يۈسۈپچان ئەلى ئىسلامى
«قۇتادغۇبىلىك» ۋە قانۇن
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
مەسئۇل مۇھەررىرى: ۋەلى مۇقاۋىسىنى لايىھىلىگۈچى: جالالىدىن بەھرام مەسئۇل كوررېكتورى: ئادالەت مۇتەللىپ
يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلىدى (ئۈرۈمچى شەھىرى جيەنجۇڭ كوچىسى No54) شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسىدىن تارقىتىلىدى شىنجاڭ شىنخۇا 2 - باسما زاۋۇتىدا بېسىلىدى فورماتى: 850X1168 مىللىمېتىر 1/32 باسما تاۋىقى: 14.5، قىستۇرما ۋارىقى: 4 1993 - يىل 2 - ئاي 1 - نەشرى 1993 - يىل 2 - ئاي 1 - بېسىلىشى تىراۋى: 2,500 — 1 ISBN 7-228-02388-9/D·231 باھاسى: 6.00 يۈەن
ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى، 1949 - يىلى سېنتەبردە ئاقسۇ شەھىرى يېڭى بازار كوچىسىدا ئوقۇمۇشلۇق بىر باپكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1963 - يىلىدىن 1966 - يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1969 - يىلى ئاۋغۇستا ھەربىي سەپكە كىرگەن، ھازىر خەلق قوراللىق ساقچى قىسملىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتى سىياسىي بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ.
ئاپتور 1983 - يىلىدىن باشلاپ ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشكەن. بۇنىڭ ھازىرغىچە «ۋاھابىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ھەققىدە» قاتارلىق 15 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھەرخىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى. ھازىر ئۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
« (قۇتادغۇبىلىك) ۋە قانۇن» دېگەن بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1986- يىلى ۋە 1989 - يىلى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق مەملىكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىلىرى ئاساسىدا 1990 - يىلى مارتتا يېزىپ تاماملاپ نەشرگە سۇنغانىدى، 1992 - يىلى يانۋاردا تولۇقلىدى. ھازىر «مازار ھەققىدە قىسە» ناملىق سەككىز بابلىق ئىككىنچى كىتابىنى نەشرىياتقا تاپشۇردى، يەنە «ئۇيغۇر قانۇن - تۈزۈملىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن ئۇچىنچى كىتابى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ كىتابتا XI ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىكى قانۇن مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ كىتاب «مۇقەددىمە»، يەتتە باب ۋە «خاتىمە» دىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى بابتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى — «قۇتادغۇبىلىك» قانۇنچىلىق جەھەتتىن تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى بابتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «تۆرۈ» (قانۇن) ۋە ئۇنىڭ دەۋر خاراكتېرلىك مەزمۇنلىرى شەرھلىنىدۇ. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بابتا ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام جامائەت قانۇنى تەلىماتىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» كە كۆرسەتكەن تەسىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بەشىنچى، ئالتىنچى بابتا «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلغان دەۋرلىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇنشۇناسلىق تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا باھا بېرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بابتا «قۇتادغۇبىلىك» تە بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ناھايىتى نۇرغۇنلىغان مول ۋە نادىر مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇجەسسەملەنگەن. سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى يېڭى تارىخىي دەۋردە، ئۇنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىكى مۇۋاپىق تەرەپلەرگە ۋارىسلىق قىلىش — يولداش
جياڭ زېمىننىڭ «مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ ۋە ئۇنى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇپ، كونسىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىسىنى يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇشسىز كېرەك. بىز يەنە ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ئېسىل مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك» (1) دېگەن يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرىدۇر.
بۇ كىتابتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە قانۇن مەرىپەت تارىخىنىڭ ئۆتمۈشى دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق كۆز قارىشى بىلەن تەھلىل قىلىنغان. ئاپتور بۇ كىتابتا جەمئىيەتكە نۇرغۇن يېڭى كۆز-قاراشلارنى تەقدىم قىلغان ۋە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەرگەن. بۇ كۆز-قاراشلار يالغۇز ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپلا قالماستىن، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، بۇ ئەسەرنى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ زامانىمىزدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى شەرھى دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىيە ئالىمى رەشت رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىشنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەم بۇ بېيىتلەرنى (باشقىلارغا) بىلدۈرگەن (كىشى بۇ) كىتابتىنمۇ ئەزىزراقتۇر» دېگەنىدى. (2) ئىشىنىمىزكى، ئىلىم دۇنياسى بۇ كىتابقا مۇۋاپىق باھا بېرىدۇ.
(1) جياڭ زېمىن: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز» گە قارالسۇن. شىنجاڭ گېزىتى 1991-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سان، ئۇيغۇرچە.
(2) «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىل 5-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى «A، مۇقەددىمە»، 15-، 16-قۇرلار.
كىرىش سۆز ئورنىدا
يولداش يۈسۈپچان ئەلى ئىسلامى يازغان « ( قۇتادغۇبىلىك ) ۋە قانۇن » دېگەن كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق « قۇتادغۇبىلىك » ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەمدە بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىغا چىن قەلبىدىن تەشەككۇر ئېيتسەن. ئۇيغۇرلار — ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى مىللەتلىرىدىن بىرى، ئۇ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا زېمىنىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى يارىتىشتا ئۇلۇغ تۆھپە قوشقان.
« قۇتادغۇبىلىك » — ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت، شۇنداقلا ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى بىر نامايەندە، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى ھەم ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلىق ۋەسىقىسى. ئۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسى ۋە قانۇنچىلىق خەزىنىسىدىكى جەۋھەرلەرنىڭ بىرى.
« قۇتادغۇبىلىك » — دۇنيادا خېلى بۇرۇنلا تونۇلۇپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشتۈرۈلگەندى. ۋەتىنىمىزدە بولسا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات پارتىيىمىزنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن باشلاندى. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە-ئىجتىمائىي ئىدىيە تارىخى ئىلمىي
جەمئىيىتى ئۇنى 1983-يىلى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنىدىغان تېما قىلىپ بېكىتتى. شىمالىي جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە-ئىجتىمائىي ئىدىيە تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ئاچقان ئۈچ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 1983-يىلى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر بىرلىكتە ئاچقان كلاسسىك ئەدەبىيات يىغىنلىرىدا «قۇتادغۇبەلىك» مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ تەتقىق قىلىندى. 1984-يىلى شىنجاڭ داشۆ «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. 1986-يىلى ۋە 1989-يىلى قەشقەردە ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنچاقلىغاندا، ئون يىل مابەينىدە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ئىلمىي نەتىجىلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كەلدى.
«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى ھازىر مەملىكەت ۋە دۇنياغا يۈزلەنمەكتە. يولداش يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامنىڭ « ( قۇتادغۇبىلىك ) ۋە قانۇن » دېگەن ئەسىرى ئەنە شۇ يۈزلىنىش بويىچە مەملىكىتىمىزنىڭ ئون يىللىق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا تېز مەيدانغا كەلگەن دەسلەپكى مېۋە. ئاپتور بۇ ئەسەردە «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى قانۇنغا ئائىت مەسىلىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ، بىر-بىرلەپ سۈزۈپ چىقتى ھەم ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ھازىرقى زامان سەۋىيىسىگە كۆتۈردى. ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى، مەزمۇنى بىرقەدەر توغرا شەرھلەنگەن.
« ( قۇتادغۇبىلىك ) ۋە قانۇن » نىڭ نەشىر قىلىنىشى —
«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدىكى زور ئىلگىرىلەش، ئۇ، بىر تەرەپتىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېلىمىز مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە قانۇن مەرىپەت تارىخىغا قوشقان غايەت زور تۆھپىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى خوجايىنلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ماركسىزم-لېنىنىزمنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخى ماتېرىيالىزم پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ قانۇنشۇناسلىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرى ۋە توغرا يەكۈنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، مۇستەقىل ئىزدىنىش روھى بىلەن ئۇنىڭغا تەنقىدىي ۋە ئىجابىي ھالدا ۋارىسلىق قىلىدىغانلا بولساق، ئەجدادلىرىمىز ئالدىدا يۈزىمىز يورۇغۇدەك نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلدى. ئۇ، سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم كۈندىن - كۈنگە كۈچەيتىلىۋاتقان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەن 1986-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا: ئېلىمىزدە «قۇتادغۇبىلىك» نى ئاساسىي تېما قىلغان كۈچلۈك بىر تەتقىقات قوشۇنى كۈندىن-كۈنگە شەكىللەنمەكتە. بۇ تەتقىقات قوشۇنىدا ئىلىم-بىلىمى مۇكەممەل مۇتەخەسسىسلەر بار، شۇنداقلا كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق ئالىملارمۇ بار. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئىلىمگە قاتتىق ئىنتىلىۋاتقان، ياش ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرىمۇ بار، دېگەنىدىم. يولداش يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى دەل ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، ئۇ، ئالىي مەكتەپتە
ئوقۇيالمىغان، ئۇ، بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقتىن ئۆزىگە ئۈمىدسىز قاراۋاتقان بارلىق ياشلارغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمايمۇ نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇلۇغ بىر مەقسەت يولىدا تىرىشقان ئادەمگە چىققىلى بولمايدىغان چوققا يوق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تونۇتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنشۇناسلىق تارىخى ۋە «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى تەتقىقات ناھايىتى نازۇك ھەم مۇشەققەتلىك بولغان بىر ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ، ئۇ راستچىللىق، ئەستايىدىللىق، تىرىشچانلىق، چىداملىق، مەسئۇلىيەتچانلىق، يۇقىرى سەۋىيە ۋە كۈچلۈك ئىلمىيلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى مەخسۇس تەتقىقاتچى خادىم ئەمەس. ئۇنىڭ « (قۇتادغۇبىلىك) ۋە قانۇن» دېگەن ئەسىرى ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ، چىداپ ئولتۇرۇپ، مۇستەقىل كۈچ سەرپ قىلىپ، قېتىرقىنىپ ئىزدەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋىلادېمىر ئېلئىچ لېنىن: «مۇستەقىل زور كۈچ سەرپ قىلىنمايدىكەن، مەيلى قانداق مۇھىم مەسىلىلەردە بولمىسۇن، ھەقىقەتنى تېپىپ چىققىلى بولمايدۇ. كىمكى كۈچ سەرپ قىلىشتىن قورقىدىكەن، ئۇ، ھەقىقەتنى تاپالمايدۇ» دېگەنىدى.(1) « (قۇتادغۇبىلىك) ۋە قانۇن» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەگەر كۈچ سەرپ قىلىشتىن قورقۇپ ئىرادىسىزلىك قىلغان بولما ئىدى، بۇ كىتابنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېزىپ چىقالمىغان بولاتتى. كىتابخانلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ئەسەر بىرقەدەر ياخشى يېزىلغان، ئەمما خاتالىق ۋە
(1) «لېنىن ئەسەرلىرى»، 19-توم، 136-بەت، خەنزۇچە، «مۇنازىرە قىلىنىدىغان بىر قانچە مەسىلە»گە قارالسۇن.
سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولۇشى ناتايىن. مەن يولداش يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىللە، كېيىنكى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ نۇقسانسىز ئېلىپ بېرىپ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ كۆپلەپ ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆمۈر داۋامەت
1992-يىل 18-سېنتەبىر
(مەزمون يوق)
مۇندەرىجە
|مۇقەددىمە | 1| |بىرىنچى باب يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇرلاردا تۇنجى قانۇن دەستۇرى|1| |ئىككىنچى باب يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى « تۆرۈ » ۋە ئۇنىڭ دەۋر خاراكتېرلىك مەزمۇنلىرى |10| |ئۈچىنچى باب ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام جامائەت قانۇنى تەلىماتىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپقا كۆرسەتكەن تەسىرى| 117| |تۆتىنچى باب يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى| 159| |بەشىنچى باب « قۇتادغۇبىلىك » ۋە قاراخانىلارنىڭ ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلغان دەۋرلىرى | 232| |ئالتىنچى باب يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ قانۇنشۇناسلىق تارىخىدا تۇتقان ئورنى | 255| |يەتتىنچى باب « قۇتادغۇبىلىك » تە بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە مەسىلە | 322| |خاتىمە | 444|
مۇقەددىمە
ئۇيغۇر خەلقى ئېلىمىزدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆز تارىخىدا ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى، يۇرتدارچىلىق قائىدە - قانۇنلىرى، ھەربىي قوشۇن قائىدە - تەرتىپلىرى، يۇرت نىزاملىرى، خەلقچىللىق ئۆلچەملىرى، ئەخلاق نورمىلىرى شۇنىڭدەك قانۇن تۈسىنى ئالغان ھەرخىل ھۆكۈم، يارلىق، توختام، ئادەت ۋە رەسمىيەتلەرنى تۈزۈپ چىققان، قائىدە - نىزام ئورناتقان، قانۇن-يۇسۇنلارنى ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ھەرىكەت مىزانى دەپ تونۇغان ھەم ئۆزگىچە قانۇن ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بىر خەلقتۇر.
ئۇيغۇرلاردا قانۇننىڭ قاچان ۋە قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما «قانۇن» ئاتالغۇسىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تارىخىي مەنبەسىنى ئاختۇرۇپ كۆرگەندە، ئۇنىڭ ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋرنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان «تۆرۈ» سۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا ئۆزلىشىپ كىرگەن ئەرەبچە ۋارىيانتى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى زاماندا «قانۇن»نى «تۆرۈ» دەپ ئاتايتتى. شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋردە، قانۇن شامان باخشىلىرى تەرىپىدىن ئاغزاكى بايان قىلىناتتى. زورۇ ئاستر (ئاتەشپە-رەست) دىنىغا ئېتىقاد قىلغان چاغلاردا پۇقرالارغا جازا
بەلگىلەيدىغان قانۇن-نىزاملار ئاتەشكۆرەلەرگە يېزىپ ساقلىناتتى. بۇددىزم دەۋرىدە بۇددا دىنىنىڭ قائىدە - قانۇنلىرى «تارما» ياكى «درم» دېيىلسە، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش «نامۇدرم» دېيىلەتتى، بۇ چاغدا بۇددا دىنىنىڭ يازما دەستۇرلىرى «نوم» دەپ ئاتالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولدى. ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن قاراخانىلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئىسلامىيەت مۇئەسسەسىلىرى بىلەن گىرەلەشتۈرۈۋېتىپ، ئەمەلىي گەۋدە قانۇنىنى «تۆرۈ» دېسە، دىنىي ئىشلارغا ئائىت قانۇن - قائىدىلەرنى «شەرىئەت» دېگەن نام بىلەن ئاتىدى. ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدە تاكى XV ئەسىرگىچە «قانۇن» ئاتالغۇسىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان «تۆرۈ» قوللىنىلىپ كېلىنگەنىدى. لېكىن، ئۇ بۇددىزم مەزمۇنى بىلەن تەبىرلەندى. موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىدە چىڭگىزخاننىڭ ئادەت قانۇنلىرى قەدىمكى ئۇيغۇرچىدىكى «تۆرۈ» سۆزى بىلەن ياكى «جاسا»، «جاساق» سۆزلىرى بىلەن ئىپادە قىلىندى. چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپ «تۆرۈ» يازما مەنبەلەردە ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بولدى ھەم قانۇنشۇناسلىق «ئۇلۇمى شەرىئەت» (شەرىئەت ئىلمى) دېيىلىپ، «قانۇن» دېگەن سۆز پەقەت ھازىرقى زاماننىڭلا خاس ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالدى. قىسقىسى، «تۆرۈ» — ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە قوللىنىلغان، «القانۇن» دېگەن ئەرەبچە ئاتالغۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن بارا - بارا ئىستېلادىن قالغان. ھازىر دۇنيادا ئۇنى موڭغۇللار دۆلەت، ھاكىمىيەت، قانۇن، نىزام، سىياسىي - قانۇن، نام - ئابروي مەنىلىرىدە ئىشلىتىدۇ(1). تۈركىيە تۈركلىرى
بولسا « tore » (ئادەت، ئەدەب - ئەخلاق)، « torel » (قائىدە - يوسۇن)، « tore bilim » (ئەخلاق بىلىمى)، « torel Cilik » (ئەخلاقشۇناسلىق) تەرىزىدە قوللىنىپ، « قانۇن » نى بولسا « yasa »، « ئاساسىي قانۇن » نى « Anayasa » (قانۇن تۇرغۇزماق) نى « yasamak »، « قانۇنشۇناسلىق » نى « yasa bilim » دەپ ئاتىماقتا(2). « دۇنيادا قانۇنى بولمىغان دۆلەت ۋە دۆلىتى بولمىغان قانۇن يوق » (3). ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتكۈل قانۇنچىلىق ۋە قانۇنشۇناسلىق پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىدىغان يازما مەنبەلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە XI ئەسىردە ياشىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » ناملىق مەشھۇر كىتابى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، دۇنيادىكى بارلىق قانۇنشۇناسلار تەرىپىدىن ئورتاق ھادىسە دەپ ئېتىراپ قىلىنغان « قانۇن » نىڭ مەنبەسى بولغان « ئۆرپ - ئادەت » نى شۇنداقلا ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ۋە ئالدىنقى ئامىللىرىدىن بولغان « قانۇن » نى تارىخىي ھالدا بىرقەدەر سىستېمىلىق ۋە كەڭ دائىرىدە شەرھىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنچىلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقات بۈگۈنگىچە تېخى يۈزەكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بىر تېما، ئۇ - قانۇن - تۈزۈم تارىخى ۋە قانۇن ئىدىيە تارىخىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « قۇتادغۇبىلىك » دىكى « قانۇن » ھادىسلىرىگە قارىتا ئىزدىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئىدىيە تارىخى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەنبەلەردىن بىرى. شۇڭا مەن بۇ ئەسەرگە « ( قۇتادغۇبىلىك ) ۋە قانۇن » دەپ ئات قويدۇم. كىتاب « مۇقەددىمە »، يەتتە باب ۋە « خاتىمە » دىن تۈزۈلدى. كىتابنىڭ ئالدىنقى بەش بابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى قانۇنچىلىق پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات
بېرىلسە، كېيىنكى ئىككى بابىدا سېلىشتۇرما قانۇنشۇناسلىق نۇقتىسىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىگە مۇۋاپىق باھا بېرىلىدۇ ھەم ئۇنىڭدا بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتچىلىرىدىن تۈركىيىلىك ئا. دىل ئاچار؛ « (قۇتادغۇبىلىك) پارىلداپ تۇرغان كوچىلار بىلەن تولغان بىر شەھەردۇركى، كۆرگەنلەرنىڭ كۆزلىرى قامشىدۇ. ھەممە كوچىلارنى تاماشا قىلىپ چىقىش تېخى ھېچكىمگە مۇيەسسەر بولغىنى يوق. ھەركىم ئۆزى كۆرگەن كوچىسىنى تەرىپلەۋاتىدۇ» (4) دېگەنىدى. «قانۇن» — «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ كەڭ، ئەڭ پارقىراق «كوچا» لىرىدىن بىرى. قانۇنچىلىق كۈندىن - كۈنگە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بىر «كوچا» نى «تاماشا قىلىپ چىقىش» بەكمۇ زۆرۈر ھەم ئەھمىيەتلىكتۇر.
(1) «موڭغۇل تىلىنىڭ قىسقىچە ئىزاھلىق لۇغىتى». موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل-ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى تۈزگەن، 1966-يىل نەشرى، 551-بەت. (2) مۆمىن ئابدۇللا: «تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت». مىللەتلەر نەشرىياتى 1989-يىل 1۱-ئاي 1-نەشرى، 949- ۋە 1011-بەتلەر. (3) يۇجۇنىي: «قانۇننىڭ پاراللېللىقى ۋە ۋېرتىكاللىقى ھەققىدە». شاڭخەي مائارىپ نەشرىياتى، 1987-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، خەنزۇچە 19-بەت. (4) ئەھمەد زىيائى: «تارىخىي مىراس (قۇتادغۇبىلىك) توغرىسىدا» دا كەلتۈرۈلگەن نەقىل. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى 1983-يىل 4-سان 100-بەت.
بىرىنچى باب: يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇرلاردا تۇنجى قانۇن دەستۇرى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ — ئۇيغۇرلارنىڭ XI ئەسىردىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەلكى شۇ دەۋرنىڭ قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بۈيۈك قانۇنشۇناسىدۇر. ئۇ تەخمىنەن ھىجرىيىنىڭ 409 - يىلى (مىلادى 1019—1018 - يىللىرى)دا، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى پايتەختى بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان، كېيىن سۇلالىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى بولغان ئوردۇ كەنت (قەشقەر)گە كەلگەن، ھىجرىيىنىڭ 461 - يىلى (مىلادى 1069 — 1068 - يىللىرى) دىن باشلاپ «قۇتاد-غۇبىلىك» نى يېزىشقا كىرىشكەن، ھىجرىيىنىڭ 462 - يىلى (مىلادى 1069 — 1070 - يىللىرى) يېشى ئەللىكتىن ئاشقان بۇ قانۇنشۇناسىنىڭ ئون سەككىز ئايلىق مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەن بۇ ئەسەر قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خانى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەنگە سۇنۇلغان، ھەسەن بۇغراخان ئۇنى دۆلەتنىڭ «خاس ھاجىپ» لىقىغا تەيىنلىگەن(1). ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە قاراخانىلار ئوردىسىدا «خاس ھاجىپ» لىق مەنسىپىدە تۇرغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھىجرىيىنىڭ 478 - يىلى (مىلادى 1085 - يىللىرى) تەخمىنەن ئاتمىش يەتتە يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان ۋە جەسىتى تۈمەن دەرياسى بىلەن قىزىل
دەرياسىنىڭ قوشۇلۇش ئېغىزىدىكى «ئەسكى ھېسار» (ئەسكىسار) قەدىمكى شەھىرىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىدىكى «بارىگاھ» دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغان. XV ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XVI ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ مازىرى يەكەن-سەئىدىيە خانلىقى (مىلادى 1514 — 1678 - يىللار)نىڭ ئىككىنچى خانى سۇلتان ئابدۇرېشتىخان دەۋرى (مىلادى 1533 — 1559) دە، كەلكۈندىن ساقلاپ قېلىش مەقسىتى بىلەن «ئەسكى ھېسار» قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى پاي ئاب (پارسچە سۆز بولۇپ، سۇنىڭ ئايىغى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، جانلىق تىلدا پايناپ دېيىلىدۇ) دېگەن جايغا يۆتكەپ كېلىنگەن ھەم قايتىدىن ياسالغان(2). «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا چېقىپ تاشلانغان. 1989 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى بۇرۇنقى ئۆز ئورنىدا كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك ھالدا ياسىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىم ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئورنىغا ئايلاندى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىئوگرافىيىسىگە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار ناھايىتى كەمدىن - كەم بولۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدىغان مەنبە دەپ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۆزىدىن باشقا يەنە، تۈركىيە ئالىمى رەشت رەھمىتى ئاراتنىڭ 1947-يىلى تۇرغۇزۇپ چىققان «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ترانسكرېسىيىلىك تولۇق تېكىستىنىڭ بېشىدا بېرىلگەن «مۇقەددىمە» سىنى ئېيتىش مۇمكىن. رەشت رەھمىتى ئارات تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلۇپ، «A نەشرى. مۇقەددىمە» دەپ ئاتالغان، ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموق تەرىپىدىن تەسنىق قىلىنغان نەسرىي مۇقەددىمىدە: «بۇ كىتابنى يازغۇچى بالاساغۇندا تۇغۇلغان بىر تەقۋادار زاتتۇر؛ ئەمما، بۇ كىتابنى قەشقەر ئېلىدە تاماملاپ مەشرىق
شاھى تاۋغاچ بۇغراخان ھۇزۇرىغا سۇنغاندۇر، شاھ بۇغراخانمۇ ئۇنى قەدىرلەپ (ۋە) ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا خاس ھاجىپلىقنى ئىلتىپات قىلغان (ۋە) شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ دەپ نام - شۆھرىتى دۇنياغا يېيىلغاندۇر» (3) دېيىلگەن. يەنە شۇ «مۇقەددىمە» دە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۆلمەس قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ: «مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە بۇغراخان تىلىدا تۈركىي سۆز بىلەن (ھېچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غايەت ئۈزلۈقى ۋە پەۋقۇلئاددە گۈزەللىكىدىن، ئۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى بىلەن ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەربىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەب بەردى. چىنلىقلار (ئەدەبولىمەلەك) دەپ ئاتىدى؛ ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى (ئاينۇل مالىكە) دېسە، مەشرىقلىقلار (زىننەتۇلئۇمرا) دېدى؛ ئىرانلىقلار (شاھنامەئى تۈركى) دەپ ئات قويدى، بەزىلىرى (پەندنامەئى مەلىك) دەپ ئاتىدى؛ تۇرانىلار (قۇتادغۇبىلىك) دەپ ئات قويدى» دېيىلگەن (4).
«قۇتادغۇبىلىك» مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنچىلىق ئەھۋالاتى توغرىسىدا بىزنى ئەڭ يىراق مەنبە بىلەن تەمىنلەيدىغان بەزى قانۇن ۋەسىقىلەرمۇ بولغانىدى. بۇلاردىن VIII-V ئەسىرلەردىن X ئەسىرگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى مەزگىللەرگە تەئەللۇق بولغان ئۇرقۇن - رونىك يېزىقلىرىدىكى ۋەسىقىلەرنى ۋە بۇنىڭدىنمۇ بالدۇرقى دەۋرگە تەئەللۇق دەپ قارىلىۋاتقان قارۇشتى يېزىقى يادىكارلىقلىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئالدىنقىسىنى رۇس تىلشۇناسى باسكاكوۋ «ئۇيغۇرچە سىياسىي قانۇن ھۈججەتلىرى» (5) دەپ ئاتسا، كېيىنكىسىنىمۇ ھازىرقى كۈندە نۇرغۇن ئالىملار پاكىتلار ئارقىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ۋاقتىدىكى قانۇن ۋەسىقىلىرى دەپ دەلللەشمەكتە. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قانۇن ھادىسلىرىنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكىدەك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ بايان قىلىپ پېرەلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىلەنمەي ئېيتىمىزكى، «قۇتادغۇ بىلىك» — قارىماققا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەلنى باشقۇرۇشنىڭ قائىدە - نىزاملىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان پەلسەپە كىتابىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا بىردىنبىر تۇنجى قانۇن دەستۇرى بولۇشقا مۇناسىپتۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. نۇرغۇنلىغان ئالىلار ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا «قۇتادغۇبىلىك» نى «دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ پروگراممىسى» ۋە «قانۇنچىلىق دەستۇرى» دېگۈچىلەرنىڭ كۆز قاراش ۋە ھۆكۈملىرى بىرقەدەر ئادىلراق ھەم بۇ كىتابىمىز ئۈچۈن مۇھىمراقتۇر.
تۈركىيە ئالىمى، پروفېسسور ئى. كافېسوغلو مۇنداق دەيدۇ: « ( قۇتادغۇبىلىك ) بىر پەلسەپە ياكى ئەخلاق كىتابى بولۇشتىن كۆپرەك، قانۇن ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ شەرتى ۋە ۋاسىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، دۆلەت قۇرۇش يوللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىدارە، تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي قاتلاملار توغرىسىدا يېزىلغان بىر سىياسەت كىتابىدۇر » (6). ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيىلىك يەنە بىر ئالىم سادىرى مەقسۇدى ئارسال «قۇتادغۇبىلىك» كە قانۇن جەھەتتىن باھا بېرىپ ئۇنى «قانۇنچىلىق دەستۇرى» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ ئەسەر تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ «ئەسىر-
لەردىن بېرى توپلانغان ئەخلاق، سىياسەت ۋە قانۇنغا دائىر پىكىرلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر » (7). دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن، ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموف « قۇتادغۇبىلىك » نى « دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، سىياسىتى، قانۇن - قائىدىلىرى شۇنىڭدەك خەلقنىڭ رەسىم - يوسۇنلىرىنى، ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن نىزامنامە » دەپ ئاتايدۇ (8).
يىغىنچاقلىغاندا، « ھەقىقىي مەنىسى بويىچە ئېيتقىنىسىزدا ئۇنى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن دۆلەتنى ئەخلاق، قانۇن، ئىلىم، ئادالەت بىلەن باشقۇرۇشنىڭ پروگراممىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ » (9). ئۇنىڭدا « ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي دۆلەت ئاپپاراتى ۋە قانۇنشۇناسلىققا ئائىت تەلىماتلار كەڭ دائىرىنى — دۆلەت باشلىقى، ۋەزىر ۋە سەركەردە، ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئىشلار بويىچە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى بەگ-ئەمەلدارلار، دۆلەت خادىملىرىنىڭ كەسپىي ۋە ئەخلاقىي شەرتلىرى، خىزمەت ئىستىلى، ئىقتىسادىي قانۇنچىلىق، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەبەقە ۋە كەسىپ ئەھلىگە قاراتقان سىياسەت پرىنسىپلىرى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر دەستۇرىنى شەكىللەندۈرگەن » (10) بولۇپ، « قۇتادغۇبىلىك » - تە « خەلق ھىمايە قىلىدىغان دۆلەت تەشكىلىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى، دۆلەتنى بىلىم ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرغاندىلا ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرەلەيدىغانلىقى، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىكى، ھەر ئىشتا ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىم - ئەخلاقنى يولباشچى قىلىش كېرەكلىكى، دۆلەت باشلىقى ياكى ھۆكۈمدارنىڭ ھەممە ئىشتا ئۈلگە بولۇشى لازىملىقى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ دۆلەتكە نىسبەتەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ خەلققە
نىسبەتەن قانداق مۇئامىلە قىلىشى، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپىسى قاتارلىق ناھايىتى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ» (11).
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، «قانۇن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ قانۇننىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى ۋە كونكرېت قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ ۋە تار ئىككى مەنىسى بار. ئۇنىڭ كەڭ مەنىسى قانۇننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى يەنى دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ياكى ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە دۆلەت زورلۇق كۈچنىڭ كاپالىتى بىلەن يولغا قويۇلىدىغان ھەر خىل ھەرىكەت-قائىدىلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ تار مەنىسى مەخسۇس قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئورگىنىنىڭ قانۇن تۈزۈش تەرتىپى بويىچە تۈزۈپ ئېلان قىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۈججىتىنى يەنى ماددىلىق يازما قانۇننى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنچىلىق دەستۇرى — «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار قانۇن مەسىلىلىرى ئەنە شۇ «قانۇن» نىڭ كەڭ مەنىسىدىن ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئومۇمىي پروگرامما خاراكتېرىدىكى ھۈججىتى بولۇپ، ھەرگىزمۇ «شەرئى مەھكىمە» دە تۈزۈلگەن پەتىۋالار مەجمۇئەسى ئەمەس. گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتابىدا دۆلەتتە قانۇننىڭ قانداق تۈزۈلۈشى، ئەلگە قانداق «نىزام ۋە شەرتلەر كېرەك» لىكى، «ئەل-يۈرتنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ كىم» لىكى، «ئۇرۇشقاندا لەشكەرنى قانداق قۇرۇش» لازىملىقى، «كىمنى ئۆزىگە يېقىن تۇتقۇلۇق، كىمنى يامان دەپ يىراق قىلغۇلۇق» كېرەكلىكى، «خان ئۈستىدە خەلقلەرنىڭ ھەققى بار» لىقى، «خاننىڭمۇ خەلقتە ھەققى بار» لىقى،
پۇقرالارنىڭ شاھلارنى، شاھلارنىڭ پۇقرالارنى «كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك» لىكى ۋە «خەزىنىنى نىچۈك توپلاپ تاراتماق كېرەك» لىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى «سەرەلەپ ئېچىپ يېشىپ ئايرىغان» (12) بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، بىزگە جىنايەتنىڭ تۈرلىرى ۋە جىنايەتكە قوللىنىدىغان جازانىڭ خىللىرى، شۇنىڭدەك سوت قىلىش تەرتىپى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە ئېنىقراق كۆرسەتمە بېرەلمەيدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق دەۋرلەردىن باشلانغان مەدەنىي ھاياتىدىكى قانۇنچىلىق پائالىيىتى ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنشۇناسلىق (قانۇن ئىلمى) نىڭ خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئىجتىمائىي پەندە قانۇننى ئاساسىي تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئىلىم قانۇنشۇناسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئىجتىمائىي پەننىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىي مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان قانۇن سىستېمىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن شەكىللىنىدۇ ھەم تەرەققىي قىلىدۇ. ئېنگېلىس قانۇن، دۆلەت ۋە قانۇن-شۇناسلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىكى مەلۇم بىر باسقۇچىدا مۇنداق بىرخىل ئېھتىياج تۇغۇلغانكى، ھەر كۈنى تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات ۋە مەھسۇلات ئالماشتۇرۇش ئىشىنى بىر ئورتاق قائىدىگە يىغىنچاقلاپ، شەخىللەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي شەرتلىرىگە بويسۇنىدىغان قىلىشقا توغرا كەلگەن، بۇ قائىدە ئاۋۋال ئۆرپ - ئادەت بولۇپ ئىپادىلەنگەن، كېيىن بولسا قانۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن. قانۇننىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، قانۇننى قوغداشنى
ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئورگان — جامائەت ھاكىمىيىتى يەنى دۆلەت تەبىئىيلا پەيدا بولغان. قانۇنچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇرەككەپ ۋە كەڭ بىر پۈتۈنلۈككە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ زۆرۈرلۈكى كېلىپ چىقتى. بىر كەسپىي قانۇنشۇناسلار قاتلىمى شەكىللەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنشۇناسلىقمۇ پەيدا بولدى» (13) دېگەنىدى. ئۇيغۇرلاردا دۆلەت ۋە قانۇننىڭ شەكىللىنىشى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ يۇقىرىقى ھۆكۈمگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلىقىنىڭ مەنبەسىنى مۇھاكىمە قىلىشقىمۇ ناھايىتى باپ كېلىدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇمدۇر.
(1) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىل 5-ئاي 1-نەشرىنىڭ «مۇقەددىمە» سىگە قارالسۇن.
(2) بۇ ھەقتە مۇھەممەت سىدىق زۇنۇننىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن. «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1986-يىل 4-سان 1-بەت، ئۇيغۇرچە.
(3) «قۇتادغۇبىلىك»، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 5-ۋە 7-بەت. (4) «قۇتادغۇبىلىك»، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 5-، 7-بەتلەر.
(5) ن. ئا. باسكاكوۋ: «تۈركىي تىللار» مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، ئۇيغۇرچە، 70-، 71-بەتلەر.
(6) ئى. كافېسوغلو: «قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىسىزدىكى ئورنى»غا قارالسۇن. «چەت ئەل ئالىملىرى — (قۇتادغۇبىلىك) توغرىسىدا». ش ئۇ ئار ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى. 1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 151-بەت.
(7) لى چىنىڭ ، « ( قۇتادغۇبىلىك ) نىڭ خەلقئارا ئىلىم سامەسىدە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى » دېگەن ماقالىسىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل ، « تارىخىي مىراس - ( قۇتادغۇبىلىك ) ھەققىدە بايان » ، 4-توپلام ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىلى 2-ئاي 1-نەشرى، 356-بەت .
(8) قەييۇم كەرىموۋ : « ( قۇتادغۇبىلىك ) نىڭ ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىدىكى تەۋسىفىنىڭ كىرىش سۆزى » گە قارالسۇن ، « چەت ئەل ئالىملىرى - ( قۇتادغۇبىلىك ) توغرىسىدا » . 1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى ، 53-بەت .
(9) ھاجى نۇرھاجى : « قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 7-ئاي 1-نەشرى ، 137-بەت ، ئۇيغۇرچە .
(10) ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتشىن : « ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندە » گە قارالسۇن . شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى ( ئىجتىمائىي پەن قىسمى ) 1984-يىل 3-سان 35-بەت ، ئۇيغۇرچە .
(11) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : « قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە - ( قۇتادغۇبىلىك ) توغرىسىدا » . شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى 1983-يىل 2-سان 48-بەت ، ئۇيغۇرچە .
(12) يۈسۈپ خاس ھاجىپ : « قۇتادغۇبىلىك » . مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى B . نەزمى مۇقەددىمە ، 36 ، 35 ، 44 ، 50 ، 39 ، 42 ، 43 ، 51 ، 49-بېيىتلەرگە قارالسۇن .
(13) « ماركس-ئېنگېلىس تاللانما ئەسەرلىرى » 2-توم ، 1981-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى ، 933-بەت .
ئىككىنچى باب: يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «تۆرۈ» ۋە ئۇنىڭ دەۋر خاراكتېرلىك مەزمۇنلىرى
كىتابسىمىزنىڭ «مۇقەددىيە» سىدە قەيد قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى زاماندا «قانۇن» نى «تۆرۈ» ( Terü ) دەپ ئاتىغانىدى. بۈگۈنكى كىشىلەر قەدىمكىلارنىڭ «قانۇن» نى ئەنە شۇنداق دەپ ئاتىغانلىقىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىمىغان بولسۇ، ئەمما بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھەرخىل خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىياللار (تارىخىي تەزكىرە، قەۋرە تەزكىرىسى، ۋەقەلەر خاتىرىسى، خانلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى مەزمۇن قىلغان ئابىدىلەر، قەدىمكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھۈججەتلەر، دىنىي تەرجىمە ئەسەرلەر، ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەت مەزمۇن قىلىنغان قائىدە-يوسۇنلار، ئاغزاكىي راۋايەت قىلىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ئادەتلەر شۇنىڭدەك بۇلار ھەققىدە قەلەمگە ئېلىنغان يازما خاتىرىلەر، داستان، لۇغەت ۋە تارىخىي ئەسەرلەر)نىڭ ئىنتايىن نۇرغۇنلۇقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەكتە.
ھازىر قولىمىزدىكى « Terü » تىلغا ئېلىنغان نەق بار ھۈججەتلەرنى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «تۆرۈ» لەرنى دەۋرلەر تەرتىۋى شۇنداقلا
مەزمۇنلار خاسلىقى بويىچە مۇنداق توققۇز خىلغا بۆلۈش مۈمكىن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، قەدىمكى تۈرك (ئۇرقۇن) يېزىقىدىكىلىرى
- «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» (1) دۈر. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى 1-قۇردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئولۇرىپان تۈرك بودۇنىڭ ئىلىن تۆرمىسىن تۇتۇ بىرمىس ئىتى بىرمىس (تەرجىمىسى: ئۇلار تەختتە ئولتۇرۇپ، تۈرك خەلقنىڭ ئېلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ)». مەزكۇر ئابىدىنىڭ شەرقىي تەرىپى 3-قۇردا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئانى ئۈچۈن ئېلىگ ئانچا تۇتمىس ئەرىنچ، ئېلىگ تۇتىپ، تۆرۈگ ئىتمىس (تەرجىمىسى: ئۇلار دۆلەتكە ئەنە شۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ، ئەلنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپتۇ)»
شەرقىي تەرىپى 8 -، 9 - قۇرلاردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تابغاچ قاغانغا ئىلن تۆرۈسىن ئالى بىرمىس (تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ دۆلىتى ۋە ھاكىمىيىتىنى تابغاچ خاقانغا ئېلىپ بېرىپتۇ)»
شەرقىي تەرىپى 13 - قۇردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «يەتى يۈز ئەر بولۇپ، ئەلسىرەمىس قاغانسىرامىس بودۇنىڭ، تۈرك تۆرۈمىسىن ئىچىغىنىمېن بودۇنىڭ ئەچۈم ئاپام تۆرۈمىنىچە ياراتمىس، بوسىغۇرمىس (تەرجىمىسى: يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن (ئاتام خاقان) تاتا - بوۋامنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە دۆلىتىدىن، خاقانىدىن ئايرىلغان خەلقلەرنى، دېدەككە ئايلانغان، قۇل بولغان خەلقلەرنى تەشكىللەپتۇ ۋە تەربىيىلەپتۇ)»
شەرقىي تەرىپى 15 -، 16 - قۇرلاردا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئىنچە ئىلگ تۆرۈگ قازغانىپ، ئۇچابارمىس (تەرجىمىسى: ئاتام خاقان ئاشۇنداق قىلىپ دۆلەت قۇرغان ۋە قانۇن-تۈزۈم ئورناتقاندىن كېيىن بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپتۈ)» شەرقىي تەرىپى 16 - قۇردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئول تۆرۈدە ئوزە ئەچىم قاغان ئولۇرتى (تەرجىمىسى: كېيىن قانۇن - تۈزۈمگە ئاساسەن، تاغام خاقان بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ)» شەرقى تەرىپى 22 - قۇردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئانچا قازغانمىس ئىتتىس ئىلىمىز تۆرۈمىز ئەرتى (تەرجىمىسى: بىز تىرىشىپ قۇرغان دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈمى ئەنە شۇنداق ئىدى)»
شەرقىي تەرىپى 30 - قۇرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇنچا تۆرۈگ قازغانىپ ئىنىم كۆلتىگىن ئوزىنچە كەرگەك بولتى (تەرجىمىسى: ئىنىم كۆلتىگىن مۇشۇنچە قانۇن - تۈزۈمنى تۇرغۇزۇپ، تۇيۇقسىزلا قازا تاپتى)» شەرقى تەرىپى 31 - قۇرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئالتى يىگىرمى ياشىڭا ئەچىم قاغان ئىلىن تۆرۈسىن ئانچا قازغانتى (تەرجىمىسى: ئۇ ئون ئالتە ياش ۋاقتىدا تاغام خاقان دۆلەت ۋە قانۇن - تۈزۈمنى ئەنە شۇنداق قولغا كەلتۈردى)»
- بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى»(2) ئۇنىڭ شەرقىي يۈزى 3 - قۇرىدا: «بودكە ئۆزۈم ئولۇرۇپ بۇنچا ئاغىر تۆرۈگ تورت بۇلۇڭداقى بودۇن ئۈچۈن …ئىدىم. (تەرجىمىسى: ئۆزۈم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم قانۇن - تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم)»
شەرقىي يۈزى 36 - قۇرىدا: ئىلگ تۆرۈگ يىڭدى قازغاندىم… (تەرجىمىسى: مەن دۆلەتنى، قانۇن - تۈزۈملەرنى ياخشى باشقۇرۇشقا ترىشتىم)» دېيىلگەن.
- « توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى » (3) بۇنى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 9 - خانى قارا بالغاسۇندا مىلادى 814 - يىلى تۇرغۇزغان، بۇ سوغدى تىلى، تۈركىي تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئۈچ خىل يېزىلغان بولۇپ، سوغدى، تۈركىي تىلى بىلەن يېزىلغان يۈزى بەك ئۆچۈپ ئۆۋۈلۈپ كەتكەچكە تونۇغلى بولماس بولۇپ قالغان، خەنزۇچىسى بىرقەدەر تولۇق ساقلانغان. ئۇنىڭ 1 - ۋە 2 - قۇرلىرىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
闻夫乾坤开辟,日月照临。受命之君,光宅天下,德化昭明,四方幅湊,刑罰峭峻,八表归仁(信……)?当先骨力悲罗之父护输袭国于北方之隅,建都于唱昆之野,以明智治国,积有岁年。 (بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق:
كۆك ئاسمان بىنا بولۇپ، كۈن ۋە ئاي نۇر چاچتى. خاقان ئاشۇ نۇرنىڭ تەقدىرىدىن يورۇق ئوردىدا تۇرۇپ تۆت تەرەپكە پەزىلەت ۋە ئەقىل تاراتتى، قاتتىق قانۇن، تۆلەم يۈرگۈزدى، سەككىز تەرەپ بەگلىرى قارام بولدى…؟ كۆل بىلگەنىڭ ئاتىسى قۇشۇ شىمالىي تەرەپتە ئەل قۇرۇپ، ئۇرقۇن دالاسىنى پايتەخت قىلدى. دۆلەتنى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن تۈزەپ، نۇرغۇن يىللارنى ئاشۇنداق ئۆتكۈزدى. يۇقىرىقى پارچىدا بىز گەرچە ئۆزىمىز تەتقىق قىلىۋاتقان Terü نىڭ قەدىمكى ئەسلى تۈركىي شەكلى بىلەن ئۇچراشمىساقمۇ، شۇنىڭغا مەنىداش بولغان « 刑罰 » خېتىنى كۆردۇق. قەدىمكى زاماندا 刑 خېتى « جازالىماق، جازا قانۇنى » دېگەن ئىككى مەنىنى، 罰 بولسا « تۆلەم » دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. « قۇتادغۇ بىلىك » تە « سىياسەت » دەپ ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى گىڭ شىمىن بىلەن خاۋ گۈەنجۇڭلار بىردەك « 刑罰 »، « 法纪 » دەپ تەرجىمە قىلغان. قەدىمكى نۇرغۇن ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە « سىياسىتى
قىلىپتىن ئۆتكۈزۈلدى» دېگەن گەپلەر ئۇچرايدۇ. بۇ «قانۇن بويىچە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى» دېگەن سۆز. شۇڭلاشقا «ئابىدە» دىكى 刑罰 نى «جازا قانۇنى»، «جىنايى جازا» ياكى «قانۇن، تۆلەم» دەپ چۈشەنسىمۇ بولىۋېرىدۇ. شۇ مەنىدىن ئۇ، «قانۇن» نى بىلدۈرىدىغان Terü بىلەن ئوخشاشتۇر. يۇقىرىقى بايان قىلىنغان قەدىمكى تۈركىي يېزىقىدىكى ئابىدىلەردە «ئاغىر تۆرۈ» دېگەن سۆز ناھايىتى كۆپ جايدا ئۇچرايدۇ. بۇ «قاتتىق قانۇن-تۈزۈم» دېگەن سۆز بولۇپ مۇشۇ مەڭگۈ تاشتىكى 刑罰峭峻 دېگەن سۆزگە باراۋەر كېلىدۇ. شۇ مەنىدىن 刑罰峭峻 نى «ئاغىر تۆرۈ» (قاتتىق قانۇن-تۈزۈم)نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 4. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» (4) بۇ ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئېل ئېتىش بىلگە قاغان (مىلادى 747-، 759 - يىللار) نامىدىن يېزىلغان ئېل ئېتىش بىلگە قاغان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى يىللاردىكى ئىشلار خاتىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا، «تەڭرىنىڭ ئېل ئېتىشكە كۆرسەتكەن ھامىيلىقى بىلەن دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قانۇننىڭ بەلگىلىنىشى ھەققىدىكى بايان» لار ئوپتوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي يۈزى 3 - قۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئۈزەكۆڭ تەڭرى يارلىقادۇق ئۈچۈن ئاسرا ياغىزيەر ئىگە (ت) ۋەك ئۈچۈن ئەلسىم تۇرۇمىن ئەتىنتى» (مەنىسى: يۇقىرىدا كۆڭ تەڭرىنىڭ بۇيرۇشى، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن، ئېلىنتى قۇردۇم، قانۇن - تۈزۈملىرىمنى ئورناتتىم).
ئىككىنچى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكىلىرى
- «ئوغۇزنامە» (5) ئۇنىڭ 325 - قۇرىدا «ئاي
قاغانۇم سەنگۈ تۆرۈلۈك بولسۇنغىل تۈزۈن» دېيىلگەن. بۇنى پروفېسور شەرىپىدىن ئۆمەر «ئەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن» دەپ ناھايىتى ئاممىباب ئۆزلەشتۈرسە («ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېركلار» ئۇيغۇرچە 204 - بەت)، گېڭ شىمىن ئەپەندى «ئەي خاقانىم، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن - تۈزۈمى ئادىل بولسۇن» («ئوغۇزنامە»، خەنزۇچە 1980 - يىل نەشرى، 9 -، 26-، 39- بەتلەرگە قارالسۇن) دەپ تەرجىمە قىلغان.
-
«ئالتۇن يارۇق»(6) ئۇنىڭ 607-قۇرىدا: «ئۇرۇك ئۇساتى كونى نومچە تۆرۈچە باشلاتاچى، ئىمەرىگىە قاماغ بودۇنىن قاراسىن ئاشمىش ئوكلتىمىش، قوپتىن سىڭار ياغسىز ياۋلاقسىز ئەرتى (مەنسى: ئۇ دائىم توغرا نوم بويىچە، قانۇن-تۈزۈملەر بويىچە ئەلنى باشقۇرۇپ، ئەتراپىدىكى پۇقرالارنى ئاۋۇتقان، ھەممە ئەتراپنى دۈشمەنسىز قىلغانەدى)». دېيىلسە، 627-قۇرىدا: «قاچان تاپىغ ئودۇق قىلغۇلۇق تۆرۈمىن ئەرتدۈر دۈكتە ئوترۇ ئەستۈپ ئىچتە بەكلەدىلەر (مەنسى: ھۈرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇنار ئىچگە دەپنە قىلدى)» دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئالتۇن يارۇق» تا: «ئىل باسلارۇ تۆرۈمىن ئوتۇنۇر سىزىئار ئايتو (مەنسى: ئىززەت-ئىكرام بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان قانۇن-نىزاملاردىن سوراڭلار)» دېيىلگەن. (ۋاڭ جيايىڭنىڭ « (قۇتادغۇبىلىك) ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى» دېگەن ماقالىسىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل).
-
«ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى»(7) ئۇنىڭ 9-قۇرىدا: «ئىلگ تۆرۈگ ئاغى بارىم تۇتار، ئاغى بارىم ئالقىنسار ئىل تۆرۈنەچۈك تۇتار (مەنسى: دۆلەتنى، قانۇننى مال-دۇنيا
تۇتۇپ تۇرىدۇ. مال-دۇنيا تۈگەپ كەتسە، دۆلەتنى، قانۇننى قانداقمۇ تۇتۇپ تۇرالايسىز؟» دېيىلگەن.
- «مائىترى سىست» (A). ئۇنىڭ «ئۈچۈنچ ئۇلۇس ئۈچ پتر A» (ئۈچىنچى بۆلۈم ئۈچىنچى ياپراق A) دىكى 16، 17، 18، 19، 20 - قۇرلاردا: «قۇنچۇيلار ئەرسەر ئاراغ چىخا پتلاغ تۇرۇ…لى ئەرۈر. قايۇ نومتا ئۇزۇن تونلىغ… لار ئەۋدىن بارقىتىن ئۇنۇپ دىنتار تۇرۇسىن تۇتسار - لار ئول نوم ئالقىچۇقا تەگى ئارىغىن تۇرۇقىن تۇرماز.» (مەنسى: مەلىكلەر بولسا ساپ پەرھىز ساقلاش نىزام —…بولىدۇ. قايسى نومدا خوتۇن-قىزلار… ئۆي-ۋاقىدىن (ئايرىلىپ) چىقىپ دىنتار (تاللانغان مانى دىنىي مۇرىتى) نىزامىنى تۇتسا، ئۇ نوم يوقىلىشقا يۈز تۇتۇپ، ساپ-تازا تۇرالمايدۇ) دېيىلگەن.
ئۇنىڭ «ئۈچۈنچ ئۇلۇس تورت پتر A» (ئۈچىنچى بۆلۈم تۆتىنچى ياپراق A) دىكى 25، 26-قۇرلاردا: «ئەد تاۋار ئۈزە سەۋەنىچ ئۇتلى تۇرۇسىنچە تاپاغ ئۇدۇغ قىلاين (مەنسى: مال-دۇنيا بىلەن خۇشاللىققا جاۋاب قايتۇرۇش يوسۇنى بويىچە (بۇرھانغا) تاۋاب قىلاي)» دېيىلگەن.
- «شۆەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» (A) ئۇنىڭ A3 13-قۇرىدا: «يرلىغ يرلىقار تۆرۈچە ئىتدى (مەنسى: يۇرتتا مۇقەددەس قانۇن داۋاملاشتۇرۇلدى)» دېيىلگەن بولسا، A5 23، 24-قۇردا: «مۇنتاغ ئۇلۇغ تۆرۈن (مەنسى: مۇشۇنداق تەنتەنىلىك مۇراسىم)» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. B5 12-دىن 17-قۇرلارغىچە «بۇ تۆرۈكى يىلان كۈنكە بولتى. بۇ تۆرۈ ئەرتىستە كىن تورتۇنچ كۈن ژىم بىچىن كۈنكە تركەن تىگىن تويىن كىرگۈ-لۈك كوسۇسى بولتى» (مەنسى: بۇ مۇراسىم يىلان كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۆتىنچى كۈنى يەنى مايمۇن كۈنى تەركەن
تىگىن راھىبلىققا كىرمەكچى بولدى) دېيىلسە، B7 21، 22، 23-قۇرلاردا: «يانتۇرۇ لاغكىغا ئىلتىپ ئانتا ئۇلۇغ تۆرۈ قىلتۇرۇپ ئۇنتۇردىلەر (مەنىسى: (خانىنىڭ جەسىتىنى) لاغكىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەندىن كېيىن كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈز دى)» دېيىلگەن.
- «قۇل بىتتۈڭنىڭ بەگ ھۇزۇرىغا سۇنغان ئىلتىماسى» (10) بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھۈججەتلەر» نىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى مىلادى 1913-يىلى روسىيىلىك پروفېسور س. ئى. مالوۋ ئۈرۈمچىدىكى بىر خرىستىئان چېركاۋىدا تۇرۇشلۇق F. Hogers ئىسىملىك بىر پوپىتىن سېتىۋالغان ھەمدە ئۇنى لاتىن ھەرپى بىلەن ترانسكرېسىيىلەپ رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان. كېيىن بۇ ھۈججەتنى «قەدىمكى تۈركىي يېزىق يادىكارلىقلىرى» دېگەن كىتابىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ 8-قۇرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«كىچىگىمىتە بىتگ ئۈجىك نوم بوقشۇت ئورگەنىس ئۈچۈن نەتەگ ئەرسەر تويىن بولۇپ، تويىن تۆرۈسىتتە يورىقاي مۇمەن ساقىنىپ، تىگۈي تايشى باشلاپ، قىتاي تايشلارقاكەگە سەرمەن (مەنىسى: كىچىكىمدە خەت-ساۋاتىمنى چىقىرىپ نوم تەلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن، قانداقلا بولمىسۇن، راھىب بولۇپ، راھىبلار قائىدىسى بويىچە ئىش تۇتاي دەپ ئويلاپ، تىگۈي تايشى باشچىلىقىدىكى قىتاي تايشلىرى بىلەن كېڭەشكىلى باردىم)».
- «مانى ئىبادەتخانىسى يارلىقى» (11) بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھۈججەت بولۇپ، ئىدىقۇت پادىشاھلىقى تەرىپىدىن مانى ئىبادەتخانىسىغا يارلىق قىلىپ چۈشۈرۈلگەن، ھۈججەتنىڭ 11 يېرىنى ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان. ھازىر بېيجىڭ تارىخىي مۇزېيدا ساقلانماق. (نومۇرى:
82، 8782T). خۇاڭ ۋىنبى ئەپەندى شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا قولغا چۈشۈرگەن. 1954-يىلى نەشىر قىلىنغان «تۇرپاننى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىن خاتىرە» دېگەن كىتابىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ 3-، 4-، 5-قۇرلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«كىگۈرسىن… داكى تۆرۈچە ئىلكى (؟) داكى تۆرۈچە ئىس ئايغۇچى مۇزاق ئىلىگا تۇتۇق ئىسلەتزۇن (تەرجىمىسى: ئەلنىڭ قانۇنى بويىچە كىرىم-چىقىم قىلىدىغان راسخوتنى تۇتۇق (ئاختا قىلىنغان راھىب) لار ئىش باشقۇرغۇچى مۇجاك (سوغدىچە، مانى دىنىنىڭ باش راھىبى) ئۈچۈن ئىشلەتسۇن) ».
34-، 35-، 36-قۇرلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«ئىس ئايغۇچى ئاغىلىققا كىرۈر بولغۇلۇق يىر تۈسى تۆرت مىڭ يۈز بىس ئوتۇز قوقپۇ بۇرقان تۆرۈچە سىر سىبت قانىقتا كىگۈرزۇن (تەرجىمىسى: خەزىنىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان يەر ئىجارىسى تۆت مىڭ بىر يۈز يىگىرمە بەش قۇقپۇ. ئۇ بۇددا قانۇنى بويىچە زىرۋىتقا (12) كىرگۈزۈلۈپ خەزىنىدە ساقلانسۇن) ».
54-، 55-، 56-قۇرلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مانستانتا نەتەگ ئىس كۈچ بولۇپ تڭرى مۇجاگقا ئۆتۈككا كىلسار ئىلكىداكى تۆرۈچە شروشانلار ئىس ئايغۇچسىز كىرمازۇن (مانى ئىبادەتخانىسى ئىچىدە قانداقلا بولمىسۇن بىرەر ئىشنى باش راھىبتىن بىلمەكچى بولۇپ، سوراشقا توغرا كەلسە، دىنىي قائىدە-يومسۇن بويىچە، تەرىقەت باشلىقى يەنى مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشقا مەسئۇل ئەمەلدارلار ئىش باشقۇرغۇچىلارنى بىللە ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا يالغۇز كىرمىسۇن) ».
بۇ ھۈججەت ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان
ۋاقتىدىكى قانۇن-تۈزۈملىرى ھەققىدە بىزنى ئەڭ يىراق مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدا يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە Toru دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا «قىزغۇت» جازاسى بېرىش (13-، 15-، 82-، 92-قۇرلار)، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش (98-قۇر)، ئىشنى بۇزۇپ قويغانلارنى ئاۋۋال «ئۈچ يۈز دەررە ئۇرۇش» ئاندىن «قىزغۇت جازاسىغا تارتىش» (99-قۇر)، چوڭ راھىب ئاغرىپ قالسا داۋالىتىش (105-، 106-، 107-قۇرلار) ئاغرىپ قالغان راھىبلاردىن ياخشى خەۋەر ئالمىغانلارنى ئۈچ يۈز دەررە ئۇرۇش ھەمدە گۇناھىنى سۈرۈشتۈرۈپ سوراققا تارتىش (108-، 109-قۇرلار)، راھىبلارنىڭ تامىقى خام قالسا ئۈچ يۈز دەررە ئۇرۇش (119-قۇر)، ئالىي راھىبلارنىڭ يېمەكلىكى يېتىشمىسە خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلارغا سولىمى (13) دىكى مانىستان (مانى ئىبادەتخانىسى) ئىچىدە قىزغۇت جازاسى بېرىش (33-، 34-قۇرلار) قاتارلىق مەزمۇنلار قەيت قىلىنغان.
ئۈچىنچى، خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىدىكىلىرى
- «تۈركىي تىللار دىۋانى» (14) ئۇنىڭ I توم 144-بەت، II توم 23-، 32-، 33-بەت، III توم 166-، 167- ۋە 305-بەتلىرىدە «Toru» ئاتالغۇسى ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ I توم 144-بەتتىكى شېئىر تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگىدۇر. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
ئەندىك كىشى تەتىلسۇن ئەل تۆرۈ يەتىلسۇن توقلى بۆرى قاتىلسۇن قازغۇ يەمە ساۋىلسۇن.
(مەنىسى مۇنداق:
ئەخىق ئادەملەر ھوشىنى تاپسۇن، دۆلەتتە قانۇن-تۈزۈم تۈزەلسۇن، قوزا بىلەن بۆرىلەر قېتىلىپ بىر جايدا بىللە ياشايدىغان بولسۇن، بىزدىن غەم-قايغۇ كەتسۇن.)
- «قۇتادغۇبىلىك» (15) بۇ Terü قەيت قىلىنغان يازما مەنبەلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممىلىدۇر. ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان Terü ئاتالغۇسىنىڭ كۆپلۈكى ھەم كەڭ مەنىگە ئىگىلىكىدىن ئۇنى «قانۇن كىتابى» (كىتابول تۆرۈ) دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە Terü 114 بېيتتە 124 قېتىم يالغۇز ئۇچرايدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
103, 103, 219, 252, 269, 286, 291, 355, 429, 454, 454, 800, 800, 812, 815, 822, 893, 939, 1041, 1374, 1435, 1451, 1456, 1458, 1458, 1458, 1461, 1570, 1642, 1643, 1686, 1690, 1670, 1772, 1911, 1927, 1931, 1941, 2015, 2017, 2022, 2032, 2033, 2034, 2036, 2058, 2111, 2128, 2133, 2134, 2136, 2165, 2171, 2474, 2490, 2531, 2713, 3093, 3107, 3108, 3121, 3192, 3207, 3463, 3463, 3739, 3997, 4001, 4002, 4006, 4008, 4010, 4016, 4016, 4018, 4038, 4082, 4082, 4140, 4153, 4170, 4309, 4309, 4321, 4446, 4449, 4473, 4595, 4604, 4605, 4605, 4606, 5170, 5172, 5197, 5285, 5287, 5288, 5302, 5471, 5491, 5498, 5559, 5576, 5734, 5735, 5737, 57541, 5743, 5744, 5765, 5887, 5903, 5944, 5944, 6266, 6273, 6409, 6489, 6492, 6550, 6593, 6594, 6595. يۇقىرىقى بېيىتلەر ئىچىدە 103، 800، 3463، 4016، 4082، 4309، 4605 - ۋە 5944 - بېيىتلەردە Terü ئىككى قېتىمدىن، 1458 - بېيىتتە Terü ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلانغان.
تۆتىنچى، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر - تۈركىي تىلىدا يېزىلغان ئەسەردىكىلىرى
- «خەزائىنۇلمائانى» (16). (ئىلىم-مەرىپەت خەزىنىلىرى). ئەلشىر ناۋايى (1441 - 1501) نىڭ بۇ مەشھۇر دىۋانىدىكى بىر مەسنىۋىدە «تۆرۈ» (Terü) «تۆرە» (Tera) شەكلىدە مۇنداق كەلگەن: تۆرە بىرلە باش ئۇرۇپ تۇت خانغە، سەرقۇتنى بەر مېنى بى سامانغە. (مەنىسى: پادىشاھقا قائىدە-يوسۇن بويىچە باش ئۇرۇپ تۇتقىن، ساقىندىسىنى مەندەك بىر بىچارىگە بېرىۋەت). «تۆرۈ» (Terü) بۇ دىۋاندىكى يەنە بىر مەسنىۋىدە مۇنداق كەلگەن:
غەم غىزاسى ئاراسىندا قەنى تۇركانە ئاياغ تۆرە ئايىنى بىلەتاما توقۇز، ئاخسا ئوتتۇز. (مەنىسى: غەمنىڭ غىزاسىنى يەۋاتقىنىمىزدا بىر تۈركچە قەدەھ كەلتۈرۈلگەن بولسا ئىدى، تۆرەدىكى قائىدە بويىچە ئۈچ قېتىم ئۈچتىن ئىچىۋەتكەن بولاتتۇق) (17). 2. «تارىخىي رەشىدى» (18) بۇ كىتابنىڭ II توم 43-بابى - «رەسمىي تارىخنىڭ داۋامى» دا مۇنداق دېيىلگەن:
«ئۇ چاغلاردا پېشقەدەم مۇغۇل ئەمىر ھەم ئېسلزادىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى پۈتكۈل مۇغۇل ئولۇسى تەۋەسىدىكى ھەرقانداق ئادەملەرنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ ئىدى. تۆرە (Tera) ۋە قائىدە-تەرتىپ (Tuzuk) ئورنىتىش قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ مەسىلىھىتسىز ھەرگىز بولمايتتى، زور كېڭەش ۋە مەجلىسلەردە ئۇلارنىڭ
ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى بىردەك ھۈرمەتلىنەتتى. يۇقىرىقى بىر ئابزاس پارچىدا مۇغۇللارنىڭ بارلاس قەبىلىسى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تارىخچى مىرزا مەھمۇد ھەيدەر كوراگانى كىتابىدا بۇ ئاقساقاللارنىڭ جۈملىسىدىن قىلىپ ئەلى مىلىغ مىرزا، ئاغابىك، قاراباش مىرزا، سەئىدئەلى ئاغا، ئەلى قۇل كۆكۈلداش ھەم ئابدۇئەزىز مىرزا قاتارلىقلارنى تىلغا ئالىدۇ.
«تارىخىي رەشىدى» نىڭ 61-بابى — مۇنداق دېيىلگەن: «قۇياش مەشرىقتىن كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا ئۇلۇغ تۆھپىكار خۇجائەلى (ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ئالدىنقى بابلاردا بايان قىلىندى) نىڭ ئىنىسى تاھا ئەسىرگە چۈشكەن مەھمۇد قىرغىزنى باغلاقلىق پېتى خاننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىردى. خان ئۇنىڭغا: (ئەسلىدە تۆرە دىكى قائىدە بويىچە ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم مۇراد-مەقسەت ئىزدەپ كەڭچىلىك قىلىپ خۇنىڭدىن كەچتىم) » دېدى.
دېمەك، يۇقىرىقى مەنبەلەر قەدىمكى تۈركلەر، ئۇيغۇرلار ۋە كېيىنكى مەزگىلدە باش كۆتۈرۈپ چىققان موڭغۇللار شۇنداقلا ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇغۇللارنىڭ تارىخىدا «ئادەت» ۋە «قانۇن-تۈزۈم» نى بىلدۈرىدىغان «تۆرۈ» (terü) نىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنغان «Terü» (قانۇن) دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي قانۇنلاردىن «خاممۇرابى قانۇنى» (19) ياكى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە دەۋرىدىكى «زى سەن قانۇنى» (20) دەك مەلۇم دەۋردىكى بىرەر خانلىقنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن پەرمان بىلەن جاكارلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يازما «قانۇن توپلىمى» نىڭ نامى بولماستىن بەلكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، ھاكىمىيەت،
ھوقۇق چۈشەنچىلىرى، ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆلچەملىرى، مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ئادەتلىرى ۋە جازا ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق بولۇشى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان، ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق دەۋرىدىن باشلاپ بىخلىنىپ، ئەل تۇتۇش سەزگىلىگە كەلگەندە نوتلانغان، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بىرخىل ئەنئەنىۋى قانۇننىڭ — نامىدۇر.
قەدىمكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن «قانۇن» نى ئىپادىلەيدىغان «Terü» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتنىك مەنىسىگە نىسبەتەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىدا باشقىچە ئىختىلاپ بوق.
مەشھۇر رۇس تىلشۇناسى ۋ. رادلوف: «سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەنگەن تۈركىي تىلنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»
( « « ОЛЫІТ СЛОВАРЯ ТюРКСКИХ НАРЧИЙ : В.В.Радлов ) ( يېتربۇرگ 1905-يىل III توم، 1-قىسىم، 1254-بەت) دە، ئۇرقۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرايدىغان Terü ئاتالغۇسىتى «ئادەت»، «قانۇن» ۋە «ھوقۇق» دەپ شەرعلىدى(21). شەرقشۇناس بارتولد بىلەن كونونوۋلار بولسا «قانۇن»، «ئۆرپ-ئادەت»، «نىزام» دەپ ئاتىدى(22). ياپونىيە ئالىمى بەينياۋ كوجى ئەپەندى «توكغۇسلار ھەققىدە تەتقىقات» (东胡民族考) دېگەن ئەسىرىدە، «Terü» نى «قانۇن» ۋە «ئادەت» دەپ ئاتىدى(23). گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ۋە قەدىمكى زامان تۈركشۇناسى ئاۋ.گابائىن «قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى» (مىلادى 850 — 1250-يىللار) دېگەن ئەسىرىدە «Terü» نى Tera قانۇنى» دەيدۇ(24).
«قەدىمكى تۈركچە - رۇسچە لۇغەت» ( ДРЕВНЕ
ТЮРКСКИЙ СЛОВАРЬ ( Torü ، « دىۋان تە » ) گە « دىۋان لۇغەتتىت تۈرك » ، « تۇرپان تېكىستلىرى » 6-توم 184-بەت، « مانىخەي دىنىدىكىلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرى » ( ۷ – ⅇ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق) نىڭ 115-قۇرى، « بىلگە خاقان ئابىدىسى » ھەم گېرمانىيىلىك مۇللېر ( Mullur.k.w.F) نىڭ « Uigurica » (ئۇيگۇرىكا – ئۇيغۇرشۇناسلىق) لىرى قاتارلىق كىتاب مەنبەلىرىدىن جاۋاب تەييارلىنىپ « تەرتىپ »، « قائىدە »، « تۈزۈم » ۋە « قانۇن » دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ تەبىر بېرىلگەن. (25)
« مەركىزىي تۈركىي تىلنىڭ ئېتمۈلۈگىيىلىك لۇغىتى » ( An Etymological Dictionary of pere – Thirteenth Century Turkish 1972:1.11 – دە، « « دىۋان » نىڭ « ئەنئەنە »، « قائىدە-قانۇن »، « قانۇن »، « نىزام »، « پەرمان »، « قانۇن »، « دائىملىق »، « ئادەت »، « جامائەت ئېتىراپ قىلغان قانۇن-نىزام »، « ئىسلام دىنىدە، قارشى تۇرۇشقا بولمايدىغان، قەتئىي ئەمەل قىلىنىدىغان قانۇن »، « رەسىم-يوسۇن » دېگەنگە ئوخشاش مەنىلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان ھەمدە موڭغۇللاردا « dore » ياكى « tore » دېيىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ⅇ ئەسىردىكى تۈركلەرنىڭ تىلدا، « tørküterü » دېيىلىدىغانلىقى، ⅇ ئەسىردىكى ئۇيغۇر مانى، بۇددا، سانسكرىت تىللىرىدىمۇ tørü دېيىلىدىغانلىقى، XI ئەسىردىكى خاقانىيە تىلى، XV ئەسىردىكى چاغاتاي تىللىرىدىمۇ tørü ياكى toru دېيىلىدىغانلىقى شۇ زاماندا يېزىلغان يازما ھۈججەتلەردىن مىسال كەلتۈرۈشلەر ئارقىلىق ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. (26).
ناۋائى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىغان « تۆرۈ » ( Tørü ) لەرگە « ناۋائى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دە، « قائىدە »، « قانۇن »، « ئىنتىزام » ۋە « ئادەت »
دەپ تەبىر بېرىلگەن (27).
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، زاھىرىددىن بابۇر (مىلادى 1483 — 1530-يىللار) شاھ Tera (ئادەت قانۇنى)نى دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، Terü (ئادەت قانۇنى) ئۇنىڭ دەۋرىدە بەزى كۆچمەن قەبىلىلەر ئارىسىدا قوللىنىلغان بولسۇ، بىراق دۆلەت قانۇنىغا ئايلىنالمىغان. «چۈنكى ئۇ، ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن يولغا قويۇلغان قانۇن بولۇپ، نۇرغۇن تەرەپلىرى (قۇرئان) غا ماس كەلمەيدۇ». («بابۇرنامە»، 48-بەت) (28). «تارىخىي رەشىدى» دە قەيت قىلىنىشچە، بابۇر «قوللىنىشقا ناھايىتى ئەپلىك بولغان بىر قانۇن قوللانمىسى يازغان» («تارىخى رەشىدى»، 2-كىتاب 35-بەت، خەنزۇچە). مىرزا ھەيدەر كوراگانى بابۇرنىڭ بۇ كىتابى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ قوللانما ھازىرمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلماقتا» دەپ يازىدۇ، بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خۇۋۇس ئۆزىنىڭ «ھىندىستان ئارخېئولوگىيىسى» دېگەن كىتابىدا «ياسا» (yasa) ۋە «تۆرە» (tera) لەر ھەققىدە كۆپ توختالغانىكەن. پوپ چەندىمىڭ (Amyot,pe — re) تۈزگەن «تاتارچە-مانجۇچە-فرانسۇزچە سۆزلۈك» (1789-يىل نەشرى 18-بەت) تە terü ياكى tolit دېگەن سۆزلەر ئەرەبچىدىكى «ياسا» (yasa) سۆزىگە باراۋەر كېلىدۇ، دەپ شەرھلەنگەن (29).
ئۇيغۇرلارنىڭ XI ئەسىردىكى «قانۇن دەستۇرى» بولغان «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە كۆپرەك تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۈركىيە ئالىمى كافەس ئوغلۇ ئىبراھىم «(قۇتادغۇبىلىك) ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» دېگەن ئەسىرىدە، «قۇتادغۇبىلىك» تە تىلغا ئېلىنغان «Terü» نى Terü شەكلىدە ئىستېمال قىلىدۇ ھەم ئۇنى تۈركىيىنىڭ
يەنە بىر ئالىمى، مەشھۇر قانۇن تارىخچىسى سەدرى مەخسۇدى ئارسالنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئىجتىمائىي ھاياتنى قېلىپقا سالىدىغان مەجبۇرىي قائىدىلەر» دەپ تەبىرلەيدۇ. ئۇ، «ئومۇمەن ئېيتقاندا، (قانۇن، نىزام) دەپ تونۇلىدىغان (tərü)، (ئۆرپ-ئادەتكە ئاساسلانغان قانۇنىي مۇئەسسە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا ۋە ھازىر قوللىنىۋاتقان تۆرەن (مەرىكە مۇراسىم) سۆزىدىن كەلگەن ئۇقۇمغا قارىغاندا، tərü تۈرك ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرى ھۆكۈملىرىنىڭ يىغىندىسى ئىدى» دەيدۇ ھەم كەسكىن ھالدا «تىلىمىزدىكى قەدىم مەدىنىي كەلىمىلەردىن بىرى بولغان (Tera) تەبىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە 1600 يىل بولدى» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ (30).
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 1979-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تۇنجى خەنزۇچە نۇسخىسى ھەم 1988-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان مۇكەممەل خەنزۇچە نۇسخىسىدا گېڭ شىمىن ئەپەندى، خاۋگۈەنجۈڭ ئەپەندى قاتارلىقلار Tərü (تۆرۈ) گە “法” (518)، “法度” (355)، “法制” (6541)، “礼义” (5956)، “礼法” (0556)، “法令” (219)، “正义” (5341)، “公正” (5064)، “现矩” (1491)، “典章制度” (1541)، “正道” (0942)، “法度典章” ۋە (545) دەپ تەبىر بەرگەن.
پىكرىمىزچە ئېلىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ تەبىر ۋە تەرجىمىلىرى ئورتاقلىققا ئىگە ھەم توغرىدۇر. ئۇنداقتا Tərü قانداق قىلىپ «قانۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خابىس ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قالدى؟ بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلاردا قانۇننىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى
تارىخىي جەھەتتىن ئېنىقلاپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، ھازىرچە مەنبەلەردە ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى يېزىلغان خاتىرىلەر بولمىغانلىقتىن ئۇنى تىلشۇناسلىق جەھەتتىن ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.
Terü نىڭ ئېتنىك تەركىبى ھەققىدە ئەڭ بۇرۇن بېشارەت بەرگۈچى تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى بىلەن قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپتۇر. مەھمۇد قەشقەرى Terü ۋە Tera لەر ھەققىدە قىسقا ئەمما ناھايىتى مېغىزلىق توختالغانىدى. ئۇنىڭ تەبىرىچە، « Tera تۆرۈ، رەسىم-يوسۇن، قائىدە » نى، « Tera (لەۋلەشتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) تۆر، ئۆينىڭ تۆرى » نى كۆرسىتىدۇ. tora دېگەن « بۇ سۆز بەزىدە ( tera ) دەپمۇ ئېيتىلىدۇ » (31).
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « Terü » سۆزىگە di ۋە ti قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان « terüdi » ۋە « terütti » سۆزلىرىگە بەرگەن تەبىرلىرى terü نىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئېنىقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئاچقۇچتۇر. ئۇ، terüdi گە « تۆرەلدى، يارىتىلدى » دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ تەبىر بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا « ئىنسان تۆرەلدى، يارىتىلدى » دېگەننى مىسال قىلىدۇ، ئاندىن « بۇ پېئىل مەجھۇل مەنىدىكى ئۈتۈمسىزدۇر » (32). دەپ ئەسكەرتىدۇ. « terütti » ھەققىدە توختىلىپ، بۇ سۆز « تۆرەتتى، تۆرەلدۈردى » دېگەنلىك بولىدۇ، « تەڭرى ئادەمنى تۆرەلدۈردى » دېگەنگە مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ، « باشقا مەخلۇقاتلارنى تۆرەلدۈرسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ »، « ئوغۇزچىدا بىر نەرسىنى ئۆلچەمگە مۇۋاپىق تۈزىتىشكىمۇ ( terütti ) دېيىلىدۇ » (33). دەيدۇ. دېمەك، ياراتتى، تۆرەلدۈردى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان « terüdi » ۋە « terütti » لەر « قانۇن » نى بىلدۈرىدىغان « terü » سۆزىدىن كەلگەن. « ياراتتى » ( yaratti )
ئۇچرايدىغان بۇنداق سۆز تۈركۈملىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا « ter » (تۆر)، « tørgi – qihmak » (تۆرگە چىقماق)، « tere » (تۆرە)، « torilix » (تۆرىلىش)، « tøreldürmak » (تۆرەلدۈرمەك)، « teraldürüx » (تەرالدۇرما)، « teralma » (تۆرەلمە)، « teralmixunas » (تۆرەلمىشۇناس) ۋە « tøriqilik » (تۆرىچىلىك) شەكىللىرى (71) بىلەن دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. بۇ بىر تەرەپتىن تىلنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ ئادەتتە كىشىلەر بىردىنلا بايقىۋالالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاستا بولىدىغانلىقى، يېڭى ئامىلنىڭ مەيدانغا كېلىشى كونا ئامىلنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ گىرامماتىكىسىدا تەدرىجىي ياخشىلىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن « Terü » نىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەرنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، « قانۇن » نى بىلدۈرىدىغان Terü (تۆرۈ) نىڭ قەدىمكى تۈركىي شەكلى
۳7۳h، قەدىمكى ئۇيغۇرچە شەكلى ☞ ئىدى. « قانۇن » نى
مانا شۇنداق « تۆرۈ » دەپ ئاتاۋاتقان ئاشۇ 7 - 8 ئەسىرلەردە، ۋېزانتىيىدىن تارتىپ چاڭئەنگىچە سوزۇلغان پۈتۈن يىپەك يولىنى بويلاپ ئولتۇراقلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن دېيىلىۋاتقان سوغدىلار « قانۇن »، « ئادەت » لەرنى PSKh (ئوقۇلۇشى: پىدكە، پاداكھا، پەدەكھە) سۆزى بىلەن ئىپادە قىلاتتى (72). بۇنىڭدىن قارىغاندا، « قۇتادغۇبىلىك » تە كەڭ ئورۇن ئالغان « تۆرۈ » Terü » ۋە « تۆرە » (Toru) لەر باشقا-باشقا ئۇقۇم بولماستىن (ئۇيغۇر تىلىدا 5 نىڭ 2 گە
ياكى ئانىڭ 2 گە ئالىشىپ قېلىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر خىل فونتىكىلىق ھادىسە) ياكى باشقا تىلدىن كىرگەن سۆزگە ئۇيغۇر تىلى قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشىدىن ياسالغان ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىلغا خاس سۆزگە باشقا تىللاردىن كىرىپ ئۆزلەشكەن قوشۇمچە قوشۇلۇپ ياسالغان بىرىكمە سۆز بولماستىن، بەلكى، دەل ئۇيغۇر تىلىدىكى « يۇقىرى ئورۇن »، « ئۆينىڭ يۇقىرىسى »، « ئۆينىڭ تۆرى » دېگەننى بىلدۈرىدىغان « تۆر » (Ter) گە ئانى ۋە 2 باغلىغۇچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن بىرىكىپ ياسالغان ساپ ئۇيغۇر تىلىدۇر. رۇس تىلشۇناسى بوداگۇۋ تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان « تۆرە » (Tere) ۋە « تۆرۈ » (Teru) لەرنىڭ ئۆدۈم، قائىدە، ئۆرپ-ئادەت، رەسىم-يوسۇن، تەرتىپ-ئىنتىزام، قائىدە-نىزام، سوت ھۆكۈمى، مەرتىۋە، ئۇنۋان قاتارلىق مەنىلىرى بارلىقىدىن سىرت يەنە يارىتىلىش، كېلىپ چىقىش دېگەنگە ئوخشاش (73) كۆچمە مەنىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى خېلى بۇرۇنلا ئىلىم ساھەسىگە كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. ئېلىمىزدە يېقىندا نەشىر قىلىنغان « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » دە: « مائىترى سىمىت » تىكى Teru نىڭ « قانۇن-تۈزۈم »، « مۇراسىم » نى؛ « ئالتۇن يارۇق » تىكى Teru نىڭ « قانۇن »، « ئۆرپ-ئادەت »، « قائىدە-يوسۇن » نى؛ « تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھۈججەتلەر » تىكى Teru نىڭ « تۇغماق »، « تۆرەلمەك » نى بىلدۈرىدىغانلىقىنى؛ « ئەتەبەتلەپقايىق » تىكى terut ۋە Teret نىڭ، « قەدىمكى ئۇيغۇرچە تۇرپان تېكىستلىرى » تىكى Terutmek نىڭ، « ئالتۇن يارۇق » تىكى Terqimek نىڭ شۇنداقلا « تۈركىي تىللار دىۋانى » دىكى Terumek لەرنىڭ ياراتماق، پەيدا بولماق، تۇغدۇرماق، تۆرەلمەك، بارلىققا كەلمەك، يارىتىلماق دېگەنگە ئوخشاش مەنىلىرىنىڭ بارلىقى ئالاھىدە ئىزاھلانغان (74).
بۇ ئىزاھلارنى قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇننىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئېيتقان «ئەل يۇرتنى تەرتىپتە تۈزمەك، جاھاننى سۈزمەك ئۈچۈن بەگلەر تىكلەندى، كىشىلەر ئەل تۈتۈش ۋە بەگ ئىشى ئۈچۈن قانۇن-يوسۇنلارنى تۈزۈپ چىقتى» دېگەن بايانلىرى (75) بىلەن Terü نىڭ ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېيتقان «بەگلىك ئىشىنى ھەممە بەگلەر بىلىدۇ، تۆرۈ (قانۇن)، ئۆگدى (تەرتىپ)، قىلىق (ئادەت)، ياڭ (قېلىپ) شۇلاردىن كېلىدۇ» (76) دېگەن ھۆكۈملىرىگە ياراللېل قويۇپ كۆزىتىدىغان بولساق مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان «تۆرۈ» (Terü) نىڭ مەزمۇنى تولىمۇ مول ۋە كەڭرى بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار، جازا، ئائىلە، نىكاھ، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەتلەردىكى قائىدە-رەسمىيەت، ھەرىكەت مىزانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تىن بۇرۇنقى ئۇرقۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرايدىغان «تۆرۈ» (Terü) ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان پروفېسسور سەي خۇڭشىن ئەپەندى ئۆز تەتقىقاتىنى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى قەيتلەر بىلەن تولۇقلاپ، «تۆرۈ» (Terü)نى «يەرلەرنىڭ تەقسىم قىلىنىشى» ۋە «مال تامغىسى»، «قۇل» ۋە «پۇقرا»، ئائىلە ۋە نىكاھ ئىشلىرى، تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى ھەم شۇنداقلا جىنايى ئىشلار قانۇنى دەپ بەش چوڭ تۈرگە بۆلگەنىدى (77). يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولسا «قۇتادغۇبىلىك» تەكى «تۆرۈ» (Terü)نى «بەگلەركە تاپىنماق تۆرۈسىن توقۇسىن» (بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى)، «ئاشقا بارماق تۆرۈسىن» (زىياپەتكە بېرىش قائىدە-يوسۇنلە-
رى)، «ئاشقا ئوقماق تۆرۈسىن» (زىياپەتكە چاقىرىش قائىدىلىرى) ھەم «ئەل ئەتگۈ تۆرۈسىن» (مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى) دەپ تۆتكە بۆلىدۇ (78). ئەمما ئۇنىڭ بايان قىلماقچى بولغان Terü (قانۇن)لىرى يالغۇز مۈشۈ تۆت تەرەپ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھەممە قۇرۇلمىلىرىغا ئورگانىڭ ھالدا سىغدۇرۇپ بايان قىلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمىدىكى Terü كەلىمىسى ئاستىدا ئابىتراكتنى ئەمەس بەلكى روشەن دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە ئۆزگىچە كەڭ ۋە كونكرېتنى بولغان مەزمۇنلار ياتىدۇ. قۇتادغۇبىلىكنىڭ 47-بابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بابلىرىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋاتقان Terü (قانۇن) ۋە Toku (يوسۇن)لارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى سۆزلىنىپ ئۇنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان قانۇن، نىزامنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكى بىزگە ئۇقتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ دەللى سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سالساق ئايدىڭ بولمىغان بەزى تۈگۈنلەر يېشىلىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ۋەقەلىككە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭدىكى تۆتىنچى شەخس ئودغۇرمىش ئۈچىنچى شەخس ئۆگدۈلمىشنىڭ كۆپ قېتىم تاللاپ كۆرسىتىشى بىلەن خان تەرىپىدىن ئوردىغا چاقىرتىپ كېلىنىدۇ. ئودغۇرمىش ئۇزاققىچە تاغدا ئېتىكاپ قىلىپ شەھەر ۋە ساراي ئەھلى بىلەن باردى-كەلدى قىلمىغان تەقۋادار زاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ چاغدا ئوردىدا خانلىق تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن، يوسۇنلاردىن بىخەۋەر ئىدى، شۇڭا ئۇ خاننىڭ يارلىقىنى رەت قىلىپ، ئۆگدۈلمىشكە: «كىشىلەر ئەل تۇتۇش ۋە بەگ ئىشى ئۈچۈن قانۇن، يوسۇن ۋە ئۇسۇل تۈزۈپ چىققان»، جاھان تۇتقۇچى ئەرنىڭ «ئەقىللىك بولۇش ۋە ئەل-يۈرتنى سوراشتا قورقماس يۈرەك» بولۇشىدىن تاشقىرى يەنە، «قانۇن
ۋە ئۇسۇلنى بىلمەكلىكى زۆرۈر» دۇر، «مەن كىشىلەردىن . يىزاق يۈرگەنلىكىم ئۈچۈن قانۇن ۋە ئۇسۇللاردىن بىخەۋەرمەن»، ئۇنداقتا «بېگىگە قانداقمۇ خىزمەت قىلالايمەن؟» شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە، «مېنى نېمىشقا بەگكە خىزمەت قىل دەپ چىڭ تۇتۇپ كۈچەيسەن؟» دەيدۇ. ئۆگدۈلمىش ئۇنىڭ بۇ پىكىرلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە: «كىشى بىلىملىك بولۇپ تۇغۇلماس»، «قانۇن، يوسۇنلارنى بىلىش قىيىن ئىش ئەمەس». «كىشى بىلمىگەننى ئۆگەنسە بىلەر»، «بۇ قانۇن-يوسۇنلارنى مەن بىلىمەن، ئۇنى ساڭا ئېيتاي، سەن ئۆگەن» دەيدۇ. ئودغۇرمىش ئاخىرى مۇنازىرىلەر ئارقىلىق ئۆگدۈلمىشكە قايىل بولۇپ، ئوردىغا كېلىشكە ماقۇل بولىدۇ ھەمدە: «قانۇنلار نەچچە تۈرلۈك، ماڭا ئېيتقىن، يوسۇننى بىر-بىرلەپ ئاتلىرى بويىچە ساناپ بەر» دەيدۇ. ئۆگدۈلمىش: «ئۆگەنمەكچى بولساڭ ئاڭ، ئەقلىڭ بىلەن شۈك تۇرۇپ ئاڭلا ۋە ئۆگەنگىن، بۇ تۈگۈنلەر ساڭا يېشىلسۇن» دەيدۇ (79). شۇنداق قىلىپ ئۆگدۈلمىشنىڭ ئاغزىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ «قانۇن»، «يوسۇن»لارنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىشقا كىرىشىدۇ. مانا مۇشۇ كىچىككىنە دراماتىك تۈس ئالغان بىر-ۋەقەلىك بىزگە يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋاتقان «قانۇن»، «يوسۇن» لارنىڭ نېمىلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
«نەگۈتەر ئەشتىگىل تۆرۈ بەرگۈچى، تۆرۈ بىرلە بەگلىك ئىشىن ئەتگۈچى» (بەگلىكنىڭ ئىشلىرىنى قانۇن بىلەن قىلغۇچى كىشى، سەن ئاڭلا، قانۇن تۈزگۈچى نېمە دەيدۇ) دەپ سۆزىنى باشلىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بايان قىلسا، «نەگۈتەر ئەشتىگىل تاپۇغ قىلغۇچى، تۆرۈ بىرلە
باشلاپ قاپۇغ تۈزگۈچى» (دەرگاھ ئىشلىرىنى نىزام بىلەن تۈزگۈچى كىشى، سەن ئاڭلا! خىزمەت قىلغۇچى نېمە دەيدۇ) دەپ سۆزىنى باشلاپ «قاپۇغ تۆرۈسى» (دەرگاھ ياكى ساراي نىزامى)نى بايان قىلىدۇ. «نەگۈتەر ئەشتىگل تۆرۈلۈگ كىشى، ئوتوندىن يىرامىش ئۇقۇشلۇغ باشى» (ناداندىن يىراق تۇرىدىغان ئاقىللار بېشى، قانۇن بىلىدىغان كىشى نېمە دەيدۇ، سەن ئۇنى ئاڭلا) دەپ گەپ باشلىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنىڭ دۆلەتكە بولۇشۇش، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىش، ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكەشمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، «ئەدى ياقشى ئايىش تۆرۈبلىمىش ئەر، تۆرۈ ئۆڭدى بىرلە بۇدۇن تۈزمىش ئەر». (قانۇن بىلىدىغان، قانۇن-نىزام بىلەن ئەلنى تۈزگەن ئەربەكمۇ ياخشى دەپتۇ) دېيىش ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئادەمگەرچىلىك، ھۈرمەت مۇناسىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ يەنە «گېلىنى يىغقۇچى» ۋە «ئۆزىنىڭ گېلىغا ئىگە بولغۇچى» لار ئاغزىدىن «تۆرۈ»، «ئۆڭدى تۆرۈ» ۋە «تۆرۈ ئۆڭدى» لەرنى بايان قىلسا، «ئىلى ئەركىنى (ئىلى رايوننىڭ چوڭى، يۇرت باشلىقى دېگەن مەنىدە)تاپۇغچى تۆرۈسىن (خىزمەتچىلەر قائىدە-يوسۇنى)نى ئېيتىپ بېرىدۇ، دىققەت بىلەن ئاڭلا» دېيىش ئارقىلىق مۇناسىۋەت نىزامنى بايان قىلىدۇ (80). يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە «قانۇن» نى ھەم ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن، ھەم ئۆزىدىن بۇرۇنقى قانۇنچىلارنىڭ ئاغزىدىن، ھەم ئۆز دەۋرىدىكى قانۇنچىلارنىڭ ئاغزىدىن بېرىدۇ. بەزىلىرىنى ئۇدۇل مەنىسى بويىچە شەرھلىسە، بەزىلىرىنى بولسا يان تەرەپتىن كۆچمە مەنىلىرى بويىچە بايان قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە «قانۇن» مەنىسىنى بېرىدىغان «7» ئاتالغۇسى بىلەن بىرلىكتە يەنە «ئادەت»،
«دۈزىن» (تۈزۈم) ۋە «تۆرى» (Tøre) مەنىلىرىدە كېلىدىغان «توقۇ» (toku) كەلىمىسى 1643، 2490، 2531، 3739، 4001، 4002، 4010، 4038، 4321-بېيىتلاردا ئايرىم كۆزگە چېلىقىدۇ. «سىن» (sin) قوشۇمچىسى ئۇلانغان «toküsin» (توقۇمسىن) كەلىمىسى 54، C 2497-بېيىت ۋە 47 - بابنىڭ ماۋزۇلىرىدا، «لارىم» (larm) قوشۇمچىسى ئۇلانغان «توقۇلارىم» (tokülarm) كەلىمىسى 4026-بېيىتتە، «لۈگ» (lug) قوشۇمچىسى ئۇلانغان «توقۇلۈگ» (tokülüg) كەلىمىسى 4014-بېيىتتە، «سۈز» (süz) قوشۇمچىسى ئۇلانغان «توقۇ سۈز» (zoküsüz) كەلىمىسى 4447-بېيىتتە ئۇچرايدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تىكى «توقۇ» (Toku) ئاتالغۇسىنى يەنە شۇ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 3466، 4794، 5093 قاتارلىق ئۈچ بېيىتتە تۆت قېتىم ئۇچرايدىغان «داياناك»، «دەستەك» مەنىلىرىدىكى «توقۇم (toküm) ئاتالغۇسى شۇنداقلا تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «توقۇ» غا بەرگەن تەبىرلىرى ئارقىلىق شەرھلەش مۇمكىن. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ «قوم» بۆلىكىدە «تۆگە يوپۇقىنىڭ ئىچىگە سامان تىقىپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تۆگە ئۆركىشىگىچە كۆتۈرۈلىدۇ، ئاندىن تۆگىگە توقۇلىدۇ» دەپ ھايۋاننىڭ دۈمبىسىگە توقۇم توقۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىسە (81)، «توقۇ» بۆلىكىدە، «توقۇلادى» (toküladi) گە تەبىر بېرىپ بۇ «توقۇ بىكىتى» دېگەنلىك بولىدۇ، دەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا «ئادەم قېيىشقا توقۇ بىكىتى» (ئەر قازىش توقۇلادى) دېگەننى مىسال قىلىدۇ (82)، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ پىكرى بويىچە بولغاندا، ئادەم قېيىشقا توقۇ بېكىتكەن چاغدا، ئالدى بىلەن «كۆننى قېيىش قىلىپ تىلىدۇ» (83)، ئاندىن «قېيىش تىلى قېيىش ئارىسىغا سىقداپ كىرگۈزۈلىدۇ» (84)، نەتىجىدە توقۇم ياشىلىدۇ ھەم ھايۋاننىڭ دۈمبىسىگە توقۇلىدۇ.
بۇ ئۇيغۇرلاردا بىرەر نەرسىنى ئۆلچەيدىغان « پىچىم » مەنىسىدە كېلىدىغان قانۇننىڭ « تۆرۈ » ( Terü ) دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغىنىدەك، يەنە « توقۇ » ( Toku ) دەپ ئاتىلىشىنىڭمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، « تايىنىش »، « دەستەك قىلىش »، « بۆلەنچۈك قىلىش »، « تىزگىنلەش »، « يۈگەنلەش »، « نۇتۇپ تۇرۇش »، « باشقۇرۇش »، « دائىرە ئىچىگە ئېلىپ تۇرۇش » ۋە « كونترول قىلىش » قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىرخىل « تۇتقا » مەنىسىدە چۈشىنىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « تۆرۈ » ( Terü ) دېگىنى دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى كۆرسەتسە، « توقۇ » ( Toku ) دېگىنى تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرپ-ئادەت قائىدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. « تۆرۈ » ( Terü ) بىلەن « توقۇ » ( Toku ) ھەققىدىكى ئومۇمىي بايان ئەسەرنىڭ 47-بابىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولسا، ئۇنىڭ تەپسىلىي شەرھلىرى 28-بابتىن 38-بابقىچە بولغان 11باب، 48-بابتىن 66-بابقىچە بولغان 19 باب ۋە 72-بابلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي پائالىيىتى بىلەن گرەلىشىپ كەتكەن « ئادەت قانۇنى » نىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن « قۇتادغۇبىلىك » تە تۇنجى قېتىم ئەتراپلىق قەلەمگە ئېلىنىشىدۇر.
« قۇتادغۇ بىلىك » تە قەيت قىلىنغان « قانۇن »، « يوسۇن » لارنى ئۇنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى جەھەتتىن خاس بەلگىلىمە ۋە ئورتاق بەلگىلىمە دەپ، مەزمۇنى جەھەتتىن ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار، لەشكىرىي
ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار، جىنايى ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار، خەلق دەۋا، ھەق تەلەپ، پاراۋانلىققا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار، نىكاھ ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار دەپ بىرقانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. خاس بەلگىلىمىلەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن قائىدە-قانۇنلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ تۆۋەندىكى چوڭ-كىچىك بەگلەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرى، ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەقلىي-ئەخلاقىي ۋە جىمانىي شەرتلىرى قانۇن شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇلغان. ئورتاق بەلگىلىمىلەر — ھۆكۈمرانلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدە-قانۇنلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىۋاتقان زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش ۋە ھەرقايسى تەبىقىلەر مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭشەش مەسىلىسى نىزاملاشتۇرۇلغان. خاس بەلگىلىمىلەر بىلەن ئورتاق بەلگىلىمىلەر ئەمەلىيەتتە بىز دەۋاتقان ئوردا، ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇننىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئەسەردىكى «بەگلىككە لايىق بەگنىڭ قانداق بولۇش كېزەكلىكى»، «بەگلەرگە ۋەزىر بولىدىغان كىشىنىڭ قانداق بولۇش لازىملىقى»، «ئۇلۇغ ھاجىپلىققا قانداق كىشى لازىملىقى»، «ئىشكىئاغىسىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى»، «ئەلچىلىككە ئەۋەتشكە قانداق كىشى يارايدىغانلىقى»، «پۈتۈكچى قانداق بولۇشى لازىملىقى»، «ئاغىچىلىققا قانداق كىشى لازىملىقى»، «باش ئاشپەزنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى»، «ئىچىملىك بېشىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى»، «بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى»، «ساراي ئەھلى بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇش»، «ئاۋام خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە
بولۇش» قاتارلىق تېمىلار 12 بابتا بارن قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاۋام خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەدبىقلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان بەلگىلىمە بولۇپ، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى، ئالىملار، تېۋىپلار، ئەپسۇنچىلار، چۈش ئۆرگۈچىلەر، مۇنەججىملەر، شائىرلار، دېھقانلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە يېقىرلار قاتارلىق بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان 12 خىل تەبىقە بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لەشكىرىي ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار «ئەسكەر باشلىغۇچى كىشىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلەكى» بابىدا، جىنايى ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار «مەملەكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» بابىدا، خەلق دەۋا، ھەق تەلەپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار «خىزمەتچىلەرنىڭ بەگلەر ئۈستىدە قانداق ھەقلىرى بارلىقى» ۋە «خىزمەتچىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش» بابىدا، نىكاھ ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار «ئۆيلىنىشنىڭ قانداق بولۇشى»، «پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش» شۇنداقلا «زىياپەتكە بېرىش ۋە چاقىرىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلەرى» بابىدا نۇقتىلىق ھالدا بايان قىلىنغان. تۆۋەندە بىز بۇ قانۇن-يوسۇنلار بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
بەشىنچى، ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان بەگلىككە لايىق بەگنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇ ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، بەگ
ئىشلىرى نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا بەگلەرنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى، پۇقرالار ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى، ۋەزىپىلىرى ۋە نوپۇزى قانۇنىي يوسۇندا نىزاملاشتۇرۇلغان. بەگ ئىشلىرى نىزامىدا، ئالدى بىلەن بەگ بولماقچى بولغان كىشىنىڭ نەسىبى ئېسىل بولۇشى، يەنى بەگ نەسىبىدىن بولۇشى كېرەكلىكى، باتۇر، كۈچلۈك جەسۇر بولۇشى، ئەقىللىك، بىلىملىك، سېخىي، سىلىق بولۇشى، ئاقىل بولۇشى، كۆڭلى، تىلى تۈز، خۇلقى ئۇز بولۇشى، كۆزى توق، دىلى كەڭ بولۇشى، پەزىلەتلىك بولۇشى، تەقۋادار، ئېرىغ بولۇشى، ئېغىر-بېسىق، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى، شاشماق (ئالدىراڭغۇ) بولماسلىق، غەزەپلىك بولماسلىق، مۇلايىم، ئۇياتچان بولۇشى، ئاچكۆز بولماسلىق، خۇلقى-مىجەزى، سۆز-ھەرىكىتىدە ئوچۇق-يورۇق بولۇشى، سەگەك، ھۇشيار بولۇشى، بىپەرۋا بولماسلىق، غاپىل بولماسلىق، خەلققە زۇلۇم سالماسلىق، خەلقسۆيەر بولۇشى، پالغانچىلىق قىلماسلىق، راست سۆزلۈك بولۇشى، پىتنە-پاساتچى بولماسلىق، ئويۇن-تاماشا، كەيپ-ساپاغا بېرىلمەسلىك، كىچىكىدىن تارتىپلا دۆلەتنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى، قانۇن-يوسۇنلارنى ئۆگىنىش، بەگ بولغانىكەن ئىلىم بىلەن ئەلگە ياخشى قانۇن تۈزەپ بېرىش قاتارلىق قىلىشقا ھەم قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلار نىزام قىلىپ بېكىتىلگەن.
بەگ ئىشلىرى نىزامىدا يەنە بەگلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بەگلەر چىرايلىق، ساقاللىرى كېلىشكەن، ئوتتۇرا بوي، شۆھرەتتە بەركامال بولسۇن» دېيىلگەن ھەمدە چىرايلىق بولۇشنىڭ خەلق ۋە ئەلگە سۆيۈنچ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇشنىڭ دۆلەتكە ئابروي، ياۋغا قورقۇنچ كەلتۈرىدىغانلىقى، بويى ئېگىز كىشىنى بىلىم خوپ
كۆرمەيدىغانلىقى، بويى پاكار بولسا، خۇش پىچىم بولمايدىغانلەقى، پاكار كىشىنىڭ ئۆزى ئاجىز، ئاچچىقى يامان بولىدىغانلىقى، شۇڭا بەگلەرگە ئوتتۇرا بوي كىشىنىڭ تازا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن (85).
بەگ ئىشلىرى نىزامىدا، « ئۇشتۇمتۇت بىرەر چاتاق تەگمىگەي دېسە، بەگ بىلىلىك، ئاقىل ۋە ئويغاق بولسۇن، ئېتىمغا داغ تەگمىسۇن دېسە، بەگكە ياخشى خۇلق، مىڭ تۈمەن خىل پەزىلەت كېرەكتۇر. بەگ خەلق ئۈچۈن جەسۇر، قەھرىمان بولغاي، بۇنىڭ بىلەن چوڭ-چوڭ ئىشلار قىلىنار. بەگنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا قولى ئۇزۇن، ئۇياتچان، سىلىق، قىلىقى تۈزۈت بولسۇن. خان ئەقىللىك، ئالىم، توغرا بولغاي، قەھرىمان بولۇپ شۆھرىتىنى ئاشۇرسۇن. سېخىي، ئېسىل، ھايالىق، سىلىق، كۆيۈمچان بولۇپ، خەلقنى بەك كۆزەتسۇن. ئۇ، دائىم كۆزى توق، سەۋرلىك ھەم مۇلايىم، ئەپۈچان، ئۆز خۇلق بولسۇن. خاننىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغىنى شۈكى، ئۇ ئەلگە ياخشى قانۇن تۈزۈپ بېرەلسۇن. قايسى ئەلنىڭ خېنى شۇنداق بولسا، خەلقى دەرد-ئەلەمدىن خالاس بولۇپ، زۇلۇم ۋە ئازابتىن قۇتۇلغاي، پۇقرالىرىنىڭ بەختى كۈنى تۇغۇلۇپ، ئەلدە تىنچلىق ئورنىغاي » دېيىلگەن (86).
بەگ ئىشلىرى نىزامىدا، « بەگ جاھان تۇتاي دېسە، لەشكەر، ئەر ۋە ئات توپلاش كېرەك. ئەر ۋە ئات بولۇش ئۈچۈن كۆپ-مال دۇنيا يىغىش كېرەك. مال-دۇنيا يىغىش ئۈچۈن باي بولغان خەلق كېرەك. ئەلنى بېيىتىش ئۈچۈن ئادىل قانۇن تۈزۈش كېرەك. بۇنىڭدىن بىرى كەملىسە تۆتى قالىدۇ، تۆتى يوقالسا بەگلىك تۈگەيدۇ. بەگ ياخشى شۆھرەت ۋە نام ئالاي دېسە، بۇ بەش ئىشتىن تامام يىراق تۇرغۇلۇق: بىرىنچى، شاشىماقلىق؛ ئىككىنچى، بېخىللىق؛ ئۈچىنچى،
غەزەپ؛ تۆتىنچى، ئۆزەمچىلىك؛ جاھىللىق، بەشىنچى، بىشەك يالغان ئېيتماق. بۇلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆزەمچىلىكتۇر. يېغى قىلمىغاننى ئۆزەمچىلىك قىلار، شۇڭا ئۆزەمچىلىككە ئوق ئېتىش لازىم. بەگ تولا ئەل تۇتاي دېسە، قۇربى يەتسە مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلغۇلۇق؛ بىرىنچى، ئوڭ قولىدا قىلىچ ئۇرغۇلۇق؛ ئىككىنچى، سول قولىدا غەنىمەتلەرنى ئىلەشتۈرگۈلۈك؛ ئۈچىنچى، سۆزنى شېكەردەك چۈچۈك قىلغۇلۇق لازىم» دېيىلگەن (87).
بەگ ئىشلىرى نىزامىدا يەنە، بەگ بولغان كىشىنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن يەنە مۇنداق بىرقانچە ئىشنى قىلماقلىق كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ئۇلار: كۆڭۈلنى، تىلنى دۇرۇس تۇتۇپ خۇداغا سېغىنىش، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى مۇھىم بىلىپ تېۋىنىش، خۇدادىن كەلگەن ياخشىلىققىمۇ، يامانلىققىمۇ شۈكۈر قىلىش، خەلققە چىن كۆڭلىدىن كۆيۈمچان بولۇش ۋە دائىم ياخشىلىق قىلىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەرگىز زىيان بولىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، يامانلارنىڭ خەلققە سالىدىغان زۇلۇم-كۈلپەت، زىيان-زەخمەتلىرىنى يوق قىلىش قاتارلىقلاردۇر (88).
بەگ ئىشلىرى نىزامىدا، بەگلەر ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك شەرت، مەجبۇرىيەت، ۋەزىپە قاتارلىقلارنىڭ بەلگىلىنىشىدىن سىرت يەنە ئالاھىدە قىلىپ: « بەگكە مۇشۇنداق پەزىلەت ۋە بىلىملەر كېرەك. قايسى ئەردە مۇشۇنداق ئەردەم، يوسۇنلار بولسا، ئۇنى بەگ ئاتاپ، ئۈستۈن ئورۇن بەرسە بولار. شۇنداق ئەرلەرلا تولۇق بەگ ھەم ئەل بېشى بولار، ئۇنىڭدىن كىشىلەر تۈرلۈك خۇۋلۇقلارنى تاپار. ناۋادا بىرەر بەگ تولغان بەگ بولاي دېسە، پەزلىنى تولۇق تۇتقۇلۇق لازىمدۇر.» دەپ بەلگىلەنگەن (89). بەگ ئىشلىرى نىزامىدا، بەگلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى
نوپۇزى قانۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا: « بەگلەر ئارزۇلىرىغا تىلەپ يېتەلمەي قالسا، ئۇ نىچۈك بەگ بولار. ئەل ئىچىدە ئۇنىڭ پەرمانى ئۆتىسە، ئۇ قانداق قىلىپ ئەلنىڭ كاتتىسى ۋە خانى بولار. ئەل بېگى — خەلقنىڭ ئۇلۇغى. ئۇنىڭغا پۈتۈن خەلق تامام ئېھتىرام قىلغۇلۇقتۇر. بەگ يارلىقى پۇقراغا ۋاجىپتۇر. چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنى قەدىرلەپ تۇتمىقى لازىمدۇر. بەگ بۇلغا سېتىۋالغان قۇل بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ھەم سۆزىگە رىئايە قىلىش كېرەك» دېيىلگەن (90).
« قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان بەگلەرگە ۋەزىر بولىدىغان كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۇ، ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، ۋەزىرلىك ئىشلىرى نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا ۋەزىرلەرنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان شەرتلىرى نىزاملاشتۇرۇلغان. ۋەزىرلىك ئىشلىرى نىزامىدا، ئالدى بىلەن ۋەزىرلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: « بەگكە ئىشەنچلىك ۋەزىر كېرەكتۇر. ۋەزىر ياخشى بولسا، خان تىنچ ئۇخلايدۇ. ۋەزىر بەگلەرنىڭ يۈكىنى يۈدگۈچى ھەم خانلىقنىڭ ئۇلىنى مەھكەملىگۈچىدۇر. ۋەزىرلىك ئۇلۇغ ئىش، ئۇنىڭغا مۇكەممەل، يېتىشكەن، خۇش يېئىل، سەرخىل كىشى قويۇلىشى كېرەك.» (91).
ۋەزىرلىك ئىشلىرى نىزامىدا، « ئەلدە بەگدىن قالسىلا ۋەزىرنىڭ قولى ئۆزۈندۇر، ۋەزىر بەگلەرنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئەلگە يەتكۈزگۈچىدۇر. شۇڭا ۋەزىر ئەقىللىك، بىلىملىك، سىلىق، تەقۋادار، ئىمانلىق، ئېرىغ، ئۇياتلىق، كۆزى توق بولۇش كېرەك» دېيىلگەن (92). بۇ ۋەزىرلەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ئەخلاقىي
چەھەتتىكى شەرتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقلى جەھەتتىكى شەرتلىرى مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ۋەزىرلەر ھېساب بىلىدىغان بولسۇن ھەم ئالىم كىشىلەردىن بولسۇن، ئۇ تۈرلۈك بىتىكلەرنى بىلىم بىرلە بىلسۇن، ۋەزىرلەرنىڭ ھەممە ئىشى ھېساب بىلەن بولار، ئادەم يېزىق بىلەن بىلگەنلىرىنى يازار، شۇڭا ۋەزىرلىككە بەكمۇ پۈتۈن ئەر كېرەك، ئۇقۇملۇق، ساۋاتلىق بەك ئاقىل كېرەك، ۋەزىر مۇلايىم ۋە تىلى يۇمشاق بولسۇن، بۇ خەلققە ئۆزىنى سۆيگۈزۈشنىڭ بولىدۇر.» (93)
ۋەزىرلىك ئىشلىرى نىزامىدا، ۋەزىر بولىدىغان كىشىلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى شەرتلىرى: «ۋەزىردە بەھەيۋەت چاچ - ساقال بولغاي، بەھەيۋەت بولسا، ئۇ ئىش راۋاج تاپار، ۋەزىرنىڭ چىرايى ھەم چاچ - ساقاللىرى كېلىشكەن بولۇشى كېرەك، خۇلقى خۇددى خەلققە ئۇلۇش بولغۇدەك ئۆز (گۈزەل) بولۇش كېرەك، ۋەزىرنىڭ قىلىقى دۇرۇس، خۇلقى ئوڭاي بولسا، ئۇنىڭدىن ئەلگە ھەركۈنى ياخشىلىق تېگەر» دەپ بەلگىلەنگەن (94).
ۋەزىرلىك ئىشلىرى نىزامىنىڭ ئاخىرىدا، ۋەزىر بولىدىغان كىشىنىڭ يۈكسەك خەلقپەرۋەر بولۇپ، تىلى بىلەن دىلى بىر، ئۇياتچان، كۆيۈمچان، كۆزى توق، سەگەك، ساق ھەم ئىش بىلگۈچى، ياراملىق بىلەن يارامسىزلارنى پەرق ئەتكۈچى، ۋاپادار، ئىشچان، ئەيمەنگۈچى، ئامانەتتە كۆڭۈلنى ساپ تۇتقۇچى كىشىلەردىن تاللاپ قويۇلۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە «مۇشۇنداق پەزىلەت، بىلىملەر كىمدە تولۇق بولسا، ئىلگ شۇنىڭغا ۋەزىرلىكنى بەرسە بولغاي، مۇشۇنداق كىشىلەر بەگكە ۋەزىر بولسا، بەگ ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئاسايىش تاپىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ۋەزىر تېپىلسا، خان ھۇزۇردا ياشايدۇ، خەلق بەخىرامان ئۇخلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن خان مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئېنى
تۈزۈلۈپ، خەلقى باي بولىدۇ. ۋەزىر يارامسىز ياكى يامان بولسا، ئۇ ئەل خەلقى بۇزۇلىدۇ، بايلارمۇ يېقىرلىشىدۇ.» دېيىلگەن (95).
«قۇتادغۇ بىلىك» تە قەيت قىلىنغان ئۇلۇغ ھاجىپلىققا قانداق كىشىلەرنىڭ يارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىملەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، ئۇ ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، ھاجىپ نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا ھاجىپلارنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى، جىمانىي جەھەتتىكى شەرتلىرى، ھۆكۈمدار ۋە پۇقرا ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى، ۋەزىپىلىرى، ھوقۇقلىرى شۇنىڭدەك رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزاملىرى نىزاملاشتۇرۇلغان. ھاجىپ نىزامىدا، بەگلەرنىڭ شادلىنىپ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن ئۇلۇغ ھاجىپلىققا دۇرۇس كىشىلەرنى تاللاش كېرەكلىكى، شۇ چاغدىلا بەگلىك ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئالدى بىلەن ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلۇغ ھاجىپ بەكمۇ چىن ئىنسان بولۇشى، چىن بولۇش بىلەن تەڭ يەنە بەك دىندار بولۇش كېرەك. ئۇ، نەسەبلىك، خۇلقى ئۇز بولسۇن، تېگى ياخنى بولسا، ئەر ياخشى بولىدۇ. بۇنداق ياخشى ئەرلەر ئەلگە ياخشىلىق تىلەيدۇ. كىشى ياخشىلىرىدىن ئەزگۈلۈك كېلىدۇ، خۇي ياخشى ئەر سۆزنى دەڭسەپ قىلىدۇ، بۇ خىل ئەرنىڭ ئىشى پاك-سۈزۈك بولىدۇ. كۆزى توق كىشى ئىشتا پارا ئالمايدۇ، كىشى ھايالىق، سىلىق بولسا، خۇيى نازۇك بولىدۇ، بۇنداق ئادەمنىڭ خۇيى، سۆزىدىن ئۆمۈر بويى ياخشىلىق كېلىدۇ. ئۇياتلىق كىشى، يامان ئىش قىلمايدۇ، يارامسىزغا قوشۇلمايدۇ، كىشى تىللىمايدۇ. سىلىق ئەرگە دۆلەت سىڭىملىق بولىدۇ، سىلىق بولسا، بەختىگە لايىقلىق بولىدۇ. زېرەك بولسا مالدىن قىينالماس بولىدۇ، بىلىم بولسا ئىشتا يېڭىلمەس بولىدۇ. شۇڭا
ھاجىپ بولىدىغان كىشىنىڭ، تېگى ئېسىل بولسۇن. تەقۋادار، دىن ئىگىسى، ئېرىغ بولسۇن. كۆزى توق، ھايالىق، ئۇياتچان، ئېغىر-بېسىق، سىلىق، نازۇك بولسۇن. تۈمەن خىل بىلىملىك، زېرەك ۋە سەگەك بولسۇن. (6)
ھاجىپ نىزامىدا: « ھاجىپ ئاقىل، كەمتەر، مۇلايىم بولسۇن، پېقىر، تۇل-يېتىملەرگە دائىم كۆيۈنسۇن. ھەممە كىشىلەرگە ئوخشاشلا كىچىك دىل بولسۇن. تىلى يۇمشاق ھەم چۈچۈك بولسۇن. كىشىلەرگە كۈلۈپ تۇرۇپ ئوچۇق يۈز كۆرۈنسۇن. خۇش پېشىل بولۇپ، كىشىلىك ساقلىسۇن. ئۇ جىداملىق بولسۇن ھەم ئۆزىنى تۇتسۇن. كۆزىنى بەك كۆزىتىپ سۆزىنى چىڭ تۇتسۇن. قۇلىقى ساق، ئەقلى، ئىلمى كەڭ بولسۇن. مىجەزى تۈز، تىلى-كۆكلى تەڭ بولسۇن. پەزىلەتتە كامىل بولسۇن، بىتىك بىلسۇن. يۈتۈن ئىشتا ئۇ ئەقلىنى ئىتتىك قىلسۇن » دېيىلگەن (97).
ھاجىپ نىزامىدا: « ھاجىپلىققا مۇنداق ئون نەرسە كېرەك. بىرىنچى، ئىتتىك كۆ؛ ئىككىنچى، ساق قۇلاق؛ ئۈچىنچى، كەڭ كۆڭۈل؛ تۆتىنچى، گۈزەل يۈز؛ بەشىنچى، بوي؛ ئالتىنچى، تىل؛ يەتتىنچى، ئاڭ؛ سەككىزىنچى، ئەقىل؛ توققۇزىنچى، بىلىم؛ ئونىنچى، خۇلق-مىجەزدۇر » دېيىلگەن (98).
ھاجىپ نىزامىدا، ھاجىپ بولىدىغان كىشىلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى شەرتلىرى يەنە: « ھاجىپنىڭ ساقال-چېچى، بۈزى چىرايلىق بولسۇن، ئاۋازى ئەرەنچە ۋە سۆزى ئوچۇق بولسۇن » دېيىلگەن (99). ھەمدە بۇ شەرتلەر كۆرسىتىپ بولۇنغاندىن كېيىن: « تازا دىققەت بىلەن قارالسا، ھاجىپلىق پۈتۈن ئىشلار ئىچىدە تولسۇ ئىنچىكە ئىشتۇر. ھاجىپ بولىدىغان كىشىگە مۇشۇنداق پەزىلەتلەر كېرەك. كىشى شۇ پەزىلەتلەر بىلەن ھاجىپ بولغىلى، باشتا تۇرۇپ ئەلگە يول كۆرسەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر كىمكى پەزىلەت ۋە بىلىمدە شۇ خىل بولسا،
ئۇنى ئۇلۇغ ھاجىپلىققا مۇناسىپ دەپ بىلىپ، ئورنىنى كۆتۈرسە بولىدۇ» دەپ قەيت قىلىنغان (1100).
ھاجىپ نىزامىدا، ھاجىپلارنىڭ ۋەزىپە ھەم ھوقۇقلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا: « ئۆرپ-ئادەت، قانۇن، ئۇسۇل نازۇك ئىشتۇر. ھاجىپ بولغان كىشى بۇلارنى رەتلەپ ئىشىك ئاچىدۇ. ھاجىپلىق ئىشى ئۇلۇغ ئىشتۇر. بۇ ئىشنى شۇنىڭغا لايىق كىشىلەرلا قىلالايدۇ. شۇڭا ئۇ ناھايىتى بەك قانۇن بىلەرمەن بولسۇن. ئوردىغا ئەرز ئېيتقىلى كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان چوڭ-كىچىك كىشىلەرنى، ئاغىچى، خەتچى، ئىش تۇتقۇچى، تونچى، موزدۇز قاتارلىق ھۈنەرۋەنلەرنى، يات ئەل ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قونالغۇ جايلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئات - ئۇلاغلىرىنىڭ بوغۇز، يەم-خەشەكلىرىنى ھەل قىلىش، ئېھسان نارىتىش-تاراتماسلىق، سوۋغات بېرىش-بەرمەسلىك قاتارلىقلارنى بەلگىلەش قاتارلىقلار ھاجىپلارنىڭ ئىشى بولسۇن. كىشىلەر يول ئاغزىدا تۇرۇپ قالسا، ئۇ باشلىسۇن، كەلگەن كىشى نىزام، ئۆرپ-ئادەتتە خاتالاشمىسۇن. پېقىر، تۇل، يېتىملەر ئۆتۈنۈپ ھال ئېيتسا، ئۇ دەرھال بېرىپ بەگكە يەتكۈزسۇن. ئۇ، زۇلۇم كۆرگۈچىنى قوبۇل ئەيلەپ، ئەھۋالنى سوراپ يول كۆرسەتسۇن. ئوردىنىڭ ئىچى ھەم سىرتىدا يارامسىز قىلىقلارنى كۆرسە، ئاگاھ قىلسۇن، توسسۇن، تامام يوقاتسۇن» دېيىلگەن ھەمدە « مۇشۇنداق بىر تالاي ئىشلارنىمۇ دەل ئۇلۇغ ھاجىپ ئۆز قولىدا ھەل قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن (1101).
ھاجىپ نىزامىدا، ھاجىپلارنىڭ ئوردىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزاملىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا: « ھاجىپلار مۇنداق بىرقانچە ئىشتىن ساقلانمىقى شەرت: بىرىنچى، بەگلەرنىڭ سۆزىدىن پەقەت چىقمىسۇن. ئىككىنچى، ئەقلىنى ھەۋەسكە چۈلۈر ئەبلىسۇن. ئۈچىنچى، بەگ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇپ يۈرسۇن. ئاغرىغا كەلگەن سۆزنى دېمىسۇن. پۈتۈن
ئىشلارنى قىلسۇن، ئەمما پارا ئالمىسۇن، يىراقلارنى بەگكە يېقىن ئەيلىسۇن» دېيىلگەن (102). نىزامدا يەنە ھاجىپلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزاملىرى دەپ مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: «ھاجىپنىڭ بەگكە قاراپ تۇرۇپ سۆزلىگەن چېغىدا ئۆزىنى ۋە كۆزىنى بەك كۆزەتمىكى كېرەكتۇر. ھاجىپلار بەگ بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتى كەلسىگۈچە بەگنىڭ قوبۇلخانىسىغا ئۆزى بىلىپ كىرمىسۇن. بەگدىن سورىماي تۇرۇپ ئۆتۈنۈش قىلمىسۇن.» (103)
ھاجىپ نىزامنىڭ ئاخىرىدا خاننىڭ ھاجىپنى خاتا تاللاپ قويماسلىققا ئىشارەت قىلىپ: «مۇنداق ئىككى نەرسە كىمدە بولسا، يەنى ئۇنىڭ بىرى يالغان ئېيتسا، يەنە بىرى ئىنساننى ئەگرىلىك قىلىپ ئازدۇرسا، خاننىڭ ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىش بەرمەسلىكى، زادى قول تۇتقۇزماسلىقى لازىمدۇر.» دېيىلگەن (104).
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ئىشكىئاغىسىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ تۆتىنچىسى بولۇپ، ئۇ ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئىشكىئاغىسى نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا ئىشكىئاغىسىنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى، كۆپىنچەرەك ۋەزىپىلىرى، ھوقۇقلىرى نىزاملاشتۇرۇلغان، ئىشكىئاغىسى نىزامىدا: «ئىشكىئاغىسى بەك كۆيۈمچان بولۇش كېرەك ھەم تېنى-جېنى بىلەن تىرىشچان بولۇش كېرەك. ئۇ، قارا تۈننى ئىشىكتە يورۇتسۇن، يورۇق كۈننى ئىشىكتە پاتۇرسۇن. ئۇ، خىزمەتتە ئۇسۇل ۋە قانۇن بىلسۇن. خۇلقى مۇلايىم ۋە ئۇز بولسۇن، نان، تۈزى كەڭرى، سېخىي بولسۇن، ئالتۇن-كۈمۈش بېرىپ كىشى يىغسۇن. تىلى يۇمشاق، ئۆزى كەمتەر بولسۇن ھەم يۈزى ئوچۇق، تەۋەزۇلۇق بولسۇن» دېيىلگەن (105).
ئىشىكئاغىسى نىزامىدا ئىشىكئاغىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ھوقۇقلىرى كەڭ دائىرىدە بەلگىلەنگەن. بۇلارنى ئوردا ئىچىدىكى ۋەزىپىلىرى ۋە ئوردا سىرتىدىكى ۋەزىپىلىرى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئىشىكئاغىلىرىنىڭ ئوردا ئىچىدىكى ۋەزىپىلىرى نىزامدا مۇنداق بەلگىلەنگەن؛ «كېچىسى ياتاققا يېتىشتىن بۇرۇن، نۆۋەتچىلەرگە ئۇ ئورۇن كۆرسەتسۇن. تونۇشسىز ۋە ياتلارنى تەكشۈرسۇن. كىم زېرەك بولسا، ئۇ ئىشىغا سالسۇن. ئۇ، ساراي دەرۋازىسىنى بېكىتسۇن. شۇ چاغدا شۇ بىر كۈنلۈك ئىش پۈتكەن بولىدۇ. ئەتىسى يەنە قوپۇپ ئىش باشلىسۇن، سەھەر-شام نۆۋەتچى تەۋرەتمىسۇن. قوبۇل ۋاقتىدا ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەممە قىسىنى باشلاپ كىرىپ خانغا كۆرۈنسۇن. كۆزۈنسۇن-دە، چىقسۇن، ئۇزۇن تۇرمىسۇن. ئىشىكتە ئادەم قويسۇن، خالى قويمىسۇن. ئەگەر قوبۇل ۋاقتىدا خىزمەتچىلەر توپ-توپ بولۇپ كىرسە، ياراملىق-يارامسىزلىرىنى كۆرۈپ تۇرسۇن. قوبۇل پۈتكەندە ئەگەر بىراۋنىڭ خانغا دەيدىغان سۆزى بولسا، ئۇنى قايتىدىن ئۆزى ئېلىپ كىرسۇن. كىم ئىستىكىنى دېسە، تىلەك تىلىسە، ئۇ، بۇ موھتاج كىشىگە يۆلەك بولسۇن. ئالتۇن-كۈمۈش ئېھسان قىلىشقا تېگىشلىكلىرىگە ئالتۇن-كۈمۈش، ئۇنۋان بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ئۇنۋان، ئىش بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ئىش ئېلىپ بەرسۇن. كىم ئىشنى چىن يۈرەكتىن سۆيۈپ قىلىدۇ، كىم ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزۈپ زايە قىلىدۇ، ياراملىقى كىم، پايدىلىقى كىم، بولۇشلۇقى كىم، قاۋۇلراقى كىم، بۇلارنى تولۇقى بىلەن بېگىگە دېسۇن، لايىقىنى ئۆستۈرسۇن. خان چىقارغان ياخشى يارلىقلارنى ئوبدان تىلى بىلەن يەتكۈزسۇن، بۇنىڭ بىلەن خىزمەتكارلارنىڭ دىلى ئىسسىنسۇن. ئىشىكئاغىلىرى ئىشىكتە تۇرۇشقا ئورۇن راسلىسۇن، بىرەرمۇ كىشى ئوچۇقچىلىقتا تۇرۇپ قالمىسۇن. لېگەندە ئاش كىرسە ئۆزكۆزى بىلەن
كۆزەتسۇن، مۇناسىپ ئەمەسلەرنى توسسۇن. شىرە ئېلىپ چىقسا ئۇنى كۆرۈپ چىقسۇن. ئۇنىڭغا يېرىم يولدا ھېچقانداق قول تەگىسۇن. ئاشلار ئېشىپ قېلىپ ئىشكە يېنىپ چىقسا، ئۇنى بەگكە مۇناسىپ ئۆلەشتۈرسۇن. ئۇ، شارابچى، تۆشەكچى، ئاشپەز، تۇغچى خادىملارنىمۇ دائىم كۆزەتسۇن. ئىشكە دائىم قۇشچىنى يەنە ئوۋچى بىلەن ئوقياچىنى تۇرغۇزسۇن. ئەگەر خىزمەتكە بىرەر يات كىشى كەلسە ئۇنىڭغا ياتاق بەرسۇن ھەم ئەش (ھەمراھ) قوشسۇن، خادىملىرىنىڭ ھالىنى — ئاچ-توقمۇ، تونلىرىنىڭ كونەرىغان-كونىرىمىغانلىقىنى سوراپ تۇرسۇن. قولى قىسلىقتىن ئۇ موھتاجلىق تارتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھەق بېرىپ، ئۇنىڭغا بىر ئىلاج ئەيلىگەي. كىمكى ئىشكە نەچچە كۈنگىچە كەلسە، ئۇنىڭدىن ھال سوراپ سەۋەبىنى ئۇقسۇن. ئۇ ئەگەر ئاغرىق بولسا، ھال سوراش كېرەك، بىكار، بوش يۈرسە، توسۇش لازىمدۇر » ①.
نىزامدا ئىشكىئاغىسنىڭ ئوردا سىرتىدىكى ۋەزىپىلىرى. يەنى خان دالاغا چىققان ۋاقتىدىكى ۋەزىپىلىرى دەپ مۇنۇلار بەلگىلەنگەن؛ « ئەگەر بەگ چەۋگەن ئويۇنىغا ياكى ئوۋغا، ياكى ئەل-يۇرت كۆرگىلى، ياكى سەپەر قىلغىلى ئاتلانسا، ئۇ يەردە يامان ھادىسلەرنى ناھايىتى ساقلىق بىلەن كۆزەتمەك ھەم توسماق كېرەك. ئەگەر بەگكە بىرەر ھادىسە كەلسە، قۇش ئوۋلاشتا، ئوۋدا، سەپەردە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىشكىئاغىسى خادىملار ئارىسىدا ئىشەنچسىزلەر بار بولسا، ئۇنى يىراق قىلسۇن. گۇمانلىق كىشىدىن ھوشيار تۇرماقلىق كېرەكتۇر. ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، كۆيۈمچان كىشىلەر خاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى كۆزەتسۇن، قوماندان قورۇغداش توپى قۇرسۇن، ئالدى-كەينىنى يىغىپ رەتكە سالسۇن. كىچىكلەر ئۇلۇغلار ئارىسىغا كىرمىسۇن، يىراقتا يۈرگۈچىلەر يېقىن كەلمىسۇن.
سارايدىكى ئولتۇرۇش-قوپۇش قانداق بولغان بولسا، بۇ ۋاقىتتىكى ئولتۇرۇش-قوپۇشمۇ شۇنداق بولسۇن. ئىشكىئاغىسىنىڭ كۆيۈمچانلىقى مۇشۇنداق بولسۇن،» (107)
ئىشكىئاغىسى نىزامىنىڭ ئاخىرىدا: « مۇنداق ئىككى نەرسە ساراي ھۆسنىدۇر. ئۇ بەگلەرنىڭ نامىنى زورايتىپ بەختىگە يول ئاچىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئۇلۇغ ھاجىپ ئازاد كىشى بولسا، يەنە بىرى ئىشكىئاغىسى ياراملىق بولسا، بۇ ئىككى كىشى بىلەن ساراي گۈللىنىدۇ، ئۇلۇغلۇق بىلەن خاننىڭ نام-ئېتى يېيىلىدۇ» دېيىلگەن (108) ھەمدە ئىشكىئاغىسىنىڭ بىرئات، تون ھەم قورال ساقلىشىنىڭ لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن (109).
« قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ئەلچىلىككە ئەۋەتىشكە قانداق كىشى يارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىملەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، ئۇ، ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئەلچىلەر نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا ئەلچىلەرنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى، جىسانىي جەھەتتىكى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى قانۇنىي يوسۇندا نىزاملاشتۇرۇلغان.
ئەلچىلەر نىزامىدا « خۇدانىڭ قۇللىرى ئىچىدىكى ئەڭ خىللىرى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئەلچىلەردۇر. ئەلچىلەر بىلەن كۆپ ئىشلار قىلىنىدۇ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلار ئەلچىدىن كېلىدۇ. جاھاندا بەگلەر بىر ئەلدىن يەنە بىر ئەلگە ئەلچىلەرنى گۇمانسىز ئەۋەتىدۇ. ئەلچى قانداق بولماق كېرەك؟ بەگلەر قانداق ئەلچىلەرگە ئىشىنىپ ئىش تاپشۇرسا بولىدۇ؟ بۇلارنى بىلشكە ئېلگ ناھايەت چوڭ بېلىگ ئىشلەتسۇن» دېيىلگەن ھەم « ئەلچى بولۇشقا سەرخىل ئەر كېرەك. ئەلچىلەر بىلىملىك، ئەقىللىك، جەسۇر، تاغ يۈرەك بولسۇن. ھەرقانداق ئىشتا ئېغىر-بېسىق بولغاي، سۆز قىلىشنىڭ چىق
يوللىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەلچەك بىلىم، ئەقىل لازىمدۇر. ئەلچەك ئۆز ئىشلىرىنى ئۇتۇقاۋق ئورۇنداي دېسە، سۆزنىڭ ئىچى-تېشىنى تۈزۈك ئۇقماق كېرەك» دېيىلگەن (1110). ئەلچەك نىزامىدا يەنە: «ئەلچەك كۆيۈمچان، كۆزى، كۆڭلى توق، ئىشەنچلىك، دۇرۇس ھەم ئۆز خۇلق بولغۇلۇق. كۆيۈمچان كىشى بەگ پايدىسىنى تىلەيدۇ، پايدىسىنى تىلسە بېگىنى سۆيىدۇ. كۆزى ئاچ كىشىلەر ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، ئۇ ئەلچى بولۇشقا تېخىمۇ يارىمايدۇ. كۆزى توق پېقىر باي سانىلىدۇ، تەمەخور ئادەم قەلەندەر بولىدۇ. كۆز ئاچلىقى كىمنى پېقىر قىلسا، جاھاننىڭ توقچىلىقىمۇ ئۇنى باي قىلالمايدۇ. كىمكى تەمەگە ئەسىر-قۇل بولسا، ئۇ ئۇنىڭدىن ئۆلمەي تۇرۇپ قۇتۇلالمايدۇ» دېيىلگەن (1111).
ئەلچەك نىزامىدا يەنە: «ئۇيات بولمىسا ئەر كىشى جاھىل ۋە پەس بولىدۇ، ئۇيات بىلەن ئىنسان دۇرۇس ئىش قىلىدۇ. ئىنسان ئېغىر-بېسىق بولسا ھېكىم ئاتىلىدۇ، خۇلقى سىلىق بولسا ئۆزىنى سۆيدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەلچى ئۇياتچان، سىلىق، تەمكىن بولسۇن» دېيىلگەن. يەنە: «ئادەم چېچەن ۋە بىلىملىك بولغاندا، ھەرقانداق ئىشتا ھەردەم ئۇتۇققا ئېرىشكەي. شۇڭا ئەلچى نەچچە خىل بىلىم بىلسۇن. ئۇ، نەچچە خىل پەزىلەتلەرنى تولۇق بىلسۇن. كۆپ كىتاب ئوقۇپ مەنىسىنى بىلسۇن. چۈشەنسۇن ھەم ئۆزى شېئىر يازسۇن. ئىلمىي نۇجۇم، تىبابەت ۋە چۈش ئۆرۈشنى بىلسۇن، ئۆرۈگەن چۈشلىرى ئۇدۇل كەلسۇن. ئۇ، ھېساب، گېئومېترنى، كەسىر، يەر ئۆلچەش بىلىملىرىنى بىلسۇن. دامكا-شاھمات بىلسۇن ھەم ئويۇنغا چۈشكۈچىنى ئۇتۇۋالسۇن. چەۋگەن بىلسۇن، ئوق ئاتار بولسۇن، ئۆزى قۇشچى بولۇپ ئوۋدا تەڭدىشى يوق بولسۇن، پۈتۈن تىلدا سۆزلەشنى بىلسۇن. پۈتۈن خەتلەرنى ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان بولسۇن. ئەلچى ئۈچۈن مۇشۇنداق
پەزىلەتلەر كېرەك، بۇنداق ئەلچىلەر مۇۋەپپەقىيەت تاپىدۇ» دېيىلگەن (112).
ئەلچىلەر نىزامىدا يەنە: «ئەلچىنىڭ تىلى ئۆز، كۆڭۈللۈك بولۇشى كېرەك ھەم ئۆزى سۆزگە ئۇستا بولۇشى كېرەك. ئەلچىلەرنىڭ ئىشىنىڭ كۆپىنچىسى سۆز بىلەن بولىدۇ، سۆزى ياخشى ئادەم تىلىگىنىنى تاپىدۇ. سۆزى يۇمشاق، شېكەردەك چۈچۈك بولسا، ئۇنىڭغا ئۇلۇغتىن تارتىپ كىچىكمۇ يۇمشايدۇ. تىلى ئۆز كىشىنىڭ سۆزى سىڭىلىك بولىدۇ ھەم قىلغان ئىشى كىشىلەرگە يارايدۇ. شۇڭلاشقا ئەلچى چېچەن، سوئالغا تېز، توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغان ھازىر جاۋاب بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن (113).
ئەلچىلەر نىزامىدا، ئەلچىلەرنىڭ بەگكە سادىق بولۇشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى ھەققىدىمۇ بەلگىلىسىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا: «ئەلچىلەرنىڭ زېھنى ئوچۇق بولسۇن، ئۇنتۇغاق بولمىغاي. قانداق سۆز ئاڭلىسا ئۇنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇپ يوشۇرسۇن. ئەگەر ئەلچى بوش، تۇراقسىز، يامان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەگنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشى بىگۇماندۇر» دېيىلگەن (114).
ئەلچىلەر نىزامىدا، ئەلچىلەرنىڭ ئەلچىلىككە چىققان ۋاقتىدىكى ئىنتىزاملىرى بېكىتىلگەن. ئۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم قىلىپ ئەلچىلەرنىڭ ھاراق ئىچىشى چەكلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەلچىلەر بەكمۇ ياخشى كىشىلەردىن بولسۇن: ھاراق ئىچمەيدىغان، ئۆزىنى تۇتالايدىغان بولسۇن. ئالىممۇ ھاراق ئىچسە ئىلىمسىز بولىدۇ، ھاراق بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ دۈشمىنىدۇر، راستىنى ئېيتقاندا، جېدەل-غەۋغا ھاراقنىڭ ئېتىدۇر. نە ياڭلىغ ئەقىللىك، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ مەيگە بېشىنى تىقسا ئىشى بۇزۇلغاي، نە ياڭلىغ ھايالىق، ئۆز خۇلق، سىلىق كىشىلەر مەي ئىچسە پەسكەش قىلىقلارنى قىلغاي.
كىشى بۇنىڭلىق بىلەن ئاڭ-بىلىم، ھوش، ئۇياتنى نىجىس ھاراققا تېگىشكەي. ئەلچى مەي ئىچسە، سىرى ئىچىدىن تېشىغا قاراپ چىققاي. بىلىملىك مەي ئىچسە، بىر قارا نەرسىگە ئايلانغاي، نادان مەي ئىچسە. كىچىكلەپ بالا بولغاي. كىمكى مەي ئىچسە، ئېتى تەلۋە، ئۆزى ئەخبەق بولۇپ، دۆلىتى قولىدىن كەتكەي» (115).
ئەلچىلەر نىزامىدا، ئەلچى بولىدىغان كىشىلەرنىڭ جىمانىي جەھەتتىكى شەرتلىرىمۇ بېكىتىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بويى كۆركەم، يۈزى چىرايلىق، ساقال-چاچلىرى، تۇرقى كېلىشكەن بولسۇن. يەنە ئۆزى باتۇر، ھىمىتى بۈيۈك بولسۇن، بۇنىڭ بىلەن قىممىتى ئاشقاي» (116). ئەلچىلەر نىزامىنىڭ ئاخىرىدا: «ئەگەر خان مۇشۇنداق كىشىنى تاپسا، ئۇنىڭغا ھامان ئەلچى ئېتىنى بەرسۇن» دېيىلگەن ھەمدە: «ئۇنى يىراق يات ئەللەرگە ياكى قۇدىلاشتان تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتسە بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن (117).
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان پۈتۈكچىلەرنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت-قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ئالتىنچىسى بولۇپ، ئۇ ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، پۈتۈكچى نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا پۈتۈكچىلەرنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى، ۋەزىپىلىرى، ھوقۇقلىرى ۋە ئىنتىزاملىرى نىزاملاشتۇرۇلغان.
پۈتۈكچى نىزامىنىڭ دەسلىپىدىلا پۈتۈكچىلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلايدىغان ئىشەنچلىك كىشىلەردىن تەيىنلىنىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا: «ئەگەر خان قانچە ئالىم كىشى بولسا، پۈتۈكچىنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى يازماقلىقى شۇنچە كېرەكتۇر. خان پۈتۈكچىگە ئىچ سۆزلىرىنى
ئېيتسا، پۈتۈكچى ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يوشۇرغاي. سىر تۇتۇشقا چىن ئىنسان كېرەك، ئىشەنچلىك بولۇشقا چىن ئىسان كېرەك. ئەگەر پۈتۈكچى سىر تۇتمىسا، بەگنىڭ سىرىنى ئېچىپ ئۆزىنى يوق قىلىدۇ. بەگلەر سىرىنى قانچە يوشۇرماقچى بولسىمۇ، مۇنداق ئىككى كىشىگە بارچە سىرىنى ئاچىدۇ، بۇنىڭ بىرى ۋەزىر، بىرى پۈتۈكچىدۇر. شۇڭا بۇ ئىككى كىشىگە سىر ئاچماق كېرەك، سىر ئاچسا، نازىنى كۆتۈرمەك كېرەك. بارلىق سىر مۇشۇ ئىككى كىشىدە بولىدۇ، ئەگەر بۇلار سىر ساقلىيالمىسا ئۆز ئىشىنى بۇزىدۇ. شۇڭا بەگ سىرىنى چىڭ ساقلىسۇن، ھېچكىم ئۇقسۇن» دېيىلگەن (118).
پۈتۈكچى نىزامىدا: « پۈتۈكچى بىلىملىك، ئەقىللىك، خېتى چىرايلىق، چىرايى بەك يېقىملىق بولسۇن. پۈتۈكچى كۆزى توق، بىتەمە، كۆيۈمچان، ساپ كۆڭۈل، موھتاجلىقى يوق بولسۇن. كۆزى توق كىشى مالغا كۆزىنى سالمايدۇ مەم ئۆزىنى مالغا ئالداتمايدۇ. تەمەگەر كىشى ئەسىر ھەم قۇلدۇر، تەمەگەر كىشى ئەگەر ئۇ، خان بولسىمۇ ھەرقاچان پەستۇر. پۈتۈكچى ھېرىمەن بولسا، بىلىمنى بۇزىدۇ، خەتنىمۇ تەمە بىلەن يازىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆرسە ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ-دە، ياكى بېگىنىڭ بېشىنى يەيدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدۇ» دېيىلگەن (119).
پۈتۈكچى نىزامىدا: « پۈتۈكچى پاك بولۇپ، ھاراق ئىچمىگەي، يامان خۇلقنى ئۆزىدىن يىراق قىلسۇن. پۈتۈكچى مەي ئىچسە بىلىمى يوق بولىدۇ، بىلىمدىن جۇدا بولسا، خېتىدىن ئازىدۇ. پۈتۈكچى سۈبھىدىن شامغىچە ئىشىكتە تۇرسۇن. ئۇ نەدە، قاچان كېرەك بولسا، دەرھال تېپىلغاي» دېيىلگەن (120).
پۈتۈكچى نىزامىدا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: « بەگلەرنىڭ ئىشىغا يارايدىغان كىشىلەر مۇنداق ئۈچ خىلدۇر. بىرى
ئەقىللىك، بىلىملىك ھېكىمدۇر، يەنە بىرى بەگنىڭ ئاغزى بولغان خەتچىدۇر، يەنە بىرى يېغىلارغا تاقابىل تۇرىدىغان تاغ يۈرەك جەسۇر ئەر-يىگىتتۇر. بىلىملىك، ئاڭلىق، ئەقىللىك ھېكىم كېڭەشمەككە پايدىلىق. پۈتۈن ئەلنىڭ ئىشىنى بىتىك تۈزەيدۇ، ئەلنىڭ كىرىمىنى تېتىك خەت بىلەن تۇتىدۇ، جەسۇر ئەر قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ياۋ بوينىنى دەسسەپ تۇرۇپ كېسىدۇ. قەيەرگە مۇشۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئەر توپلانسا، كىشى ھەممە ئارزۇ-تىلەكلىرىگە يېتىدۇ. بەگلەر ئەل ئىچىدە مۇنداق ئىككى خىل كىشىنى تاللىۋېلىش ھەم ئىشىغا سېلىش لازىم، ئۇنىڭ بىرى يېزىشنى بىلىدىغان پۈتۈكچى، يەنە بىرى سۇخەندان-ئەلچىدۇر. يېقىن-يىراق، دوست ياكى ياتلار ئارا ئەگەر بىرەر جاڭجال چىقسا ياكى بىرەر ئىش كەلسە شۇلاردىن كېلەر، ناۋادا ئىشلار تۈزەلسىمۇ شۇلار تەرىپىدىن تۈزۈلەر. شۇڭا ئەگەر بىرىنىڭ خېتىدە سۆزى خاتا بولسا، تىلىدا يەنە بىرى ئۇنى تۈزەتسۇن. ئەگەر پۈتۈكچى شۇنداق بولسا، خان ئۇنىڭغا ئىشەنسە ۋە ھامان ئۇنىڭغا قول بەرسە بولىدۇ » (121).
« قۇتادغۇبىلىك » تە قەيت قىلىنغان خەزىنىدارلىققا قانداق كىشىنىڭ لازىملىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ يەتتىنچىسى بولۇپ، ئۇ ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، خەزىنىدار نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا خەزىنىدارلىققا قويۇلىدىغان ئادەمنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى، ۋەزىپە، مەجبۇرىيەتلىرى نىزاملاشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىگىچە تامغىلاپ خەزىنىدە ساقلايدىغان « ئاغىن » دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل پۇل ئىشلىتىلەتتى، ئۇنىڭدىن تاشقىرى يىپەك رەختلەرمۇ « ئاغى » دېيىلەتتى. خەزىنىگە ئالتۇن-كۈ-
مۈش پۇللار بىلەن يىپەك رەختلەرلا سېلىناتتى، پۇل بىلەن رەختلەرنى ساقلايدىغان خەزىنىدار «ئاغىچى»، خەزىنە «ئاغى قازناقى» دېيىلەتتى. بۇ دۆلەتنىڭ بىردىنبىر مالىيەسى بولۇپ، خەزىنىدارلار ئەمەلىيەتتە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ئىدى.
ئاغىچى نىزامىدا ئالدى بىلەن: «خان بەخت تېپىپ مال-تاۋارلىرىم كۆپەيسۇن دېسە، خەزىنىدارلىرىنىڭ كۆزى توق، پەيلى ئۆز بولسۇن، كۆيۈمچان، ساق، ئويغاق، تېتىك، ئۇياتلىق بولسۇن. خەزىنە ئىشلىرىغا بېخىل ياخشىراق، بېخىللىق بىلەن مالنى ساقلىماق كېرەك. ئاغىچى ئۆزىنى تۇتقۇچى، مەي ئىچمەس بولسۇن. ئەگەر مەي ئىچسە مېلىغا بەك سېخىيلىق قىلىدۇ، ئاندىن كىشىگە مال بېرىپ ئالالماي قالىدۇ. شۇڭا، خەزىنىدار قولى چىڭ، سېخى ئەمەس، ساق بولسۇن. خەزىنە مېلىنى چاچمىسۇن. سېخىيلىق ياخشى ئىش، ئۇنى تايشلىماسلىق كېرەك، لېكىن ئۇنى خەلق مېلى بىلەن قىلماسلىق كېرەك» دېيىلگەن. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ سارايدىكى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزاملىرى مۇنداق بەلگىلەنگەن: «سارايدا ئاغىچىنىڭ ئىشى مۇنداق بولىدۇ؛ بۇ ياڭلىغ كىشى ئۆزىنى بەك ساقلىغاي، ئوت يالىنى تۇتۇن تەگمىسۇن دېسە، كۆڭلى، تىلى تۈز، قېلىقى پۈتۈن بولسۇن. كۆزىنى كۆزىتىپ، تىلىنى ساقلىسۇن، ھەۋەسىنى ئەقىل بىلەن تىزگىنلىسۇن.» (122)
ئاغىچى نىزامىدا، «ئويغاق خەزىنىچى ئىشنى بۇزماي قىلىدۇ. ئۆزىنى ئۆرتىمەيدۇ، مالنى ھېسابلىق تۇتىدۇ. ئەقىلسىز كىشىلەر ئۇنتۇغاق بولىدۇ، ئەقىلسىز خەزىنىچى ئۆز ئىشىنى بۇزىدۇ. ئىشنى ساق قىلىش ئۈچۈن زەكىلىك كېرەكتۇر، ئەگەر زەكى بولسا كۆپ ئىشلار بۇزىدۇ. شۇڭا ئاغىچى يېزىش ھەم سىزىش ماھىرى بولسۇن، ھېسابات تۇتۇشقا ھۇنىرى بار بولسۇن. خەزىنىچى تۈرلۈك بىتىك بىلسۇن، ئۇنى ساقلىسۇن ھەم ئىتتىك
قىلسۇن، خەزىنىدار تۆت ئەمەلنى چىڭ ئىگىلەپ، ھېسابتا كۆڭلىنى بەر قارار تۇتسۇن، ھېسابتا تۆت ئەمەلنى ئۇققاچ، ئۇ يەنە ھەندەسە بىلەن شۇغۇللانسۇن» دېيىلگەن (123). «قۇتادغۇ بىلىك» مەيدانغا كېلىۋاتقان چاغدا، سودىدا كۆپىنچە چىندا ئىشلەنگەن يىپەك رەختلەر ئالاھىدە ئورۇندا تۇراتتى. «چۈز» دېيىلگەن قىزىل رەڭلىك زەرباپ (124). كەز (كەس) (125). «زۇنكۇم» (126). «چىناخسى» (127). «قاچاچ» (123) قاتارلىق چىندا ئىشلەنگەن گۈللۈك يىپەك رەخت (دۇردۇن) لەر، «لوختاي» دېيىلىدىغان چىندا ئىشلەنگەن سېرىق تەڭگە گۈللۈك يىپەك رەخت (129). شۇنداقلا «خۇلىڭ» دەپ ئاتىلىدىغان چىندىن كەلتۈرۈلگەن يىپەك رەخت (130) لەر يىپەك رەخت سودىسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. «باقىر» (131) ۋە «قامدۇ» (132) دەپ ئاتىلىدىغان، چىندا قۇيۇلغان مىس ئاقچا چىن سودىگەرلىرى بىلەن بولغان ئېلىم-بېرىمدا كۆپرەك ئىشلىتىلەتتى. چىن سودىگەرلىرى ئۇيغۇرلار يېرىگە كېلەتتى، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمۇ چىن يەرلىرىگە باراتتى. چىن سودىگەرلىرىنىڭ مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە كېلىۋاتقان خەۋەرلىرىنى ئالدىن يەتكۈزگۈچى خەۋەرچىلەر «بۈگۈرگەن» (133) دەپ ئاتىلاتتى. بۇ چاغدىكى ئاغىچىنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى خانىدانلىقنىڭ خەزىنىسىگە قاراپ ساقلاشتىن تاشقىرى، يەنە سودا قىلىشمۇ بار ئىدى. شۇڭا ئاغىچى نىزامىدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بەلگىلىسلەرمۇ تۈزۈلگەن: «ئۇ، تىجارەت يولىنى بىلسۇن، ئەگەر ئۇنى بىلمەيدىكەن، ھايان تاپالماس. ئۇ، پۈتۈن مال-تاۋارلارنى بىلىشى كېرەك، باھالىق، باھاسىزلىرىنى ئۇقماق كېرەك. ئۇ، باھانى بىلسۇن ھەم ئالدانمىسۇن، مالنى ئېلىپ-ساتاردا زىيان تارتمىسۇن. ئېلىم-بېرىمدە مۇلايىم بولسۇن، ئۇلۇغ ھەم كىچىككە دائىم چۈچۈك سۆز بولسۇن، نېمە ئۆتنە
ئالسا ئۇنى تېز بەرسۇن. ئۇ ئالماق-ساتماقتا مۇلايىم بولسا، ئۇنىڭغا كېرەكلىك مال كېمەيمەس.» (134) خەزىنىچىلەر نىزامىدا: «ئەگەر خان ئەسكەرلىرىگە ئىنئام قىلسا، ئۇ، ئوچۇق يۈزلۈك بىلەن شۇ زامان بەرسۇن. ئەگەر ئېھسان توسالسا، قوشۇن دىل بۇزىدۇ، قوشۇننىڭ كۆڭلى سۇنسا بەگكە داغ يۇقىدۇ. خىزمەتچى قىسىلىپ، ھاجەتمەن بولسا، بەگ يارلىق قىلىپ ئۇنىڭغا ئېھسان ئەتسە، ئۇنى ئەگەر خەزىنىچى كەينىگە سوزۇپ بەرمىسە، موھتاج خىزمەتچى يۈز ئۆرۈپ كېتىدۇ» دېيىلگەن (135). ئاغىچى نىزامىدا، خەزىنىچى بولىدىغان كىشىنىڭ يۇقىرىقىدەك شەرتلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن يەنە ئەڭ ئاخىرىدا: «خان ئەگەردە مۇشۇنداق ئۇياتچان، مۇلايىم، ئاقىل، بىلىملىك كىشىنى تاپقاندا، ئۇنىڭ ھەققىنى ئۆتەپ ئۇنىڭغا ئىشەنسە، مال-خەزىنىنى ئۇنىڭغا تۇتقازسا بولىدۇ» دېيىلگەن (136).
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان باش ئاشپەزنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ سەككەزىنىچىسى بولۇپ، ئۇ، ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، باش ئاشپەز يەنى ئاشپەزلەر نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا باش ئاشپەزلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە شەرتلىرى نىزاملاشتۇرۇلغان. باش ئاشپەزلەر نىزامىدا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى بېكىتىلىپ: «باش ئاشپەز سارايدا داستىغان باشقۇرىدۇ. بەگلەرگە خەتەر كەلسە گالدىن كېلىدۇ. باش ئاشپەز پۈتۈن، چىن، پىششىق بولسا، بەگلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى خەتەرلىك بولىدۇ» دېيىلگەن (137).
باش ئاشپەز نىزامىدا، بەگلەرنىڭ ئوزۇقلىنىدىغان ۋاقتىدىكى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزاملىرى بىلەن باش
ئاشپەزلەرنىڭ بەگلەرگە داستىخان سالىدىغان ۋاقتىدىكى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزاملىرى تەڭ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن: «خەلق باشلار ئەرگە يېغىنىڭ تۈزىقى ھەمىشە قۇرۇقلۇق تۈرىدۇ. شۇڭا بەگلەر ھەممىلا يەردە ئۆزىنى كۆزەتسۇن. يېمەك-ئىچمەكتە كۆزىنى ئاچسۇن. كىشىلەر ئارا چىن، توغرابىر كىشى تېپىلسا، بەگ ئاش-سۇ ئىشلىرىنى شۇنىڭغا تاپشۇرسۇن» دېيىلگەن (138).
باش ئاشپەز نىزامىدا: «باش ئاشپەز كۆزى توق، كۆڭلى باي، ئۆزى پاكىز ھەم يۈزى كۆركى ئاي بولسۇن. ئۇ تەقۋادار، شەرىئەت بىلەر بولسۇن، ئۇ، توغرا، چىن، قىلىقتا راستگۈي بولسۇن. باش ئاشپەز بېگىگە كۆيۈمچان بولسۇن، نەپسىنى يىغىپ ئۇياتچان بولسۇن. باش ئاشپەزگە ئەقىللىك، بىلىملىك، تاماق ۋاقتىدا تېتىكلىك كېرەك. ئۇ ئىشنى نىزاملىق يۈرۈپ ئىشلىسۇن، كىرەردە-چىقاردا كۆزى تۈز بولسۇن. ئەقىل بىلەن ئىشلەپ ئۆزىنى كۆزەتسۇن، بىلىم بىلەن ئىشلەپ كۆزىنى تىيسۇن» دېيىلگەن (139).
باش ئاشپەز نىزامىدا: «باش ئاشپەزنىڭ يۈزى، ھۆسنى كۆركەم، خۇلقى ئۈز بولسۇن، ساقال-چاپچى رەتلىك، تىلى-كۆڭلى تۈز بولسۇن، كۆركەم كىشى كۆزگە ئېرىغ كۆرۈنىدۇ، ئاش ئېرىغ بولمىسا، ئۇ بوغۇزغا قېرىغ تېتىيدۇ. شۇڭا ئاشقا ناپاك كىشى يېقىن كەلمىسۇن» دېيىلگەن (140). باش ئاشپەز نىزامىنىڭ ئاخىرىدا: «ئاشچى بېشى مۇشۇ خىلدا بولسۇن، شۇ چاغدا ئۇ داستىخان سېلىپ، ئاش-ئاياق سۇنسا، بەگ ھېچ گۇمان قىلماستىن ئاشنى يېسە بولىدۇ» دېيىلگەن (141).
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ئىچىملىك باشىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ توققۇزىنچىسى
بولۇپ، ئۇ، ئەسلى مەنسى بويىچە ئېيتقاندا، ئىچىلىك باشى نىزامىدۇر. ئۇنىڭدا ئىچىلىك بېشىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيە تلىرى، ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى نىزاملاشتۇرۇلغان.
«قۇتادغۇبىلىك» مەيدانغا كېلىۋاتقاندا، قاراخانىلار ئوردىسىدىكى ئىچىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلار «ئىچىلىك باشى» دېيىلەتتى. ئىچىلىك كۆپىنچە ھاللاردا «ئىدىش» دەپ ئاتىلىدىغان قاچقا قاچلانغاچقا ئىچىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىمۇ «ئىدىشچى باشى» دەپ ئاتالغانىدى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تەبىرىچە، قاچا - قۇچىلار «ئىدىش» دەپ ئاتىلاتتى. ياغما، توخسى، ئوغۇز ئىللىرىدا داس، چۆگۈن، لېگەن، تاۋاققا ئوخشاش نەرسەلەرمۇ «ئىدىش» دېيىلەتتى(142). ئىدىشلار سىر بىلەن نەقىشلەپ بېزىلەتتى. سىرچى ئۈستىلار «ئاياقچى» ياكى كۇلال دېيىلەتتى(143). ئىدىشلارنى سىرلاشقا «سىر» دەپ ئاتىلىدىغان، چىندىن كەلتۈرۈلگەن بىرخىل يېلىملىك بوياق ئىشلىتىلەتتى(144).
ئىچىلىك دەپ ئاتىلىدىغان ئىستېمال سۇيۇقلۇقى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنەتتى. بىرىنچىسى ھاراق بولۇپ، ئۇ، «قۇتادغۇبىلىك» تە «بور»، «دىۋان لۇغەتت تۈرك» تە «چاغىر»(145) دەپ ئاتالغان. ئۇ زاماندا مەخسۇس شاراب ساتىدىغان شاراب دۇكانلىرى بولۇپ، بۇنداق دۇكانلار «كەبت»(146) دەپ ئاتىلاتتى. ئىلى ۋادىسىدا ياشىغۇچى ياغما، توخسى، چىگىل قەبىلىلىرى شارابنى «قىزىل سۈرچىك»(147) دەپ ئاتايتتى. «سۈچۈك» دېيىلىدىغان يەنە بىرخىل شەربەت بولۇپ، ئۇمۇ شاراب ئورنىدا ئىچىلەتتى. ئۇ قاينىتىپ ياسالغاندىن كېيىن سوغۇق يەرگە قويۇپ سوۋۇتىلاتتى. قاينىتىلغىنى «پىششىق سۈچۈك»(148)
دېيىلەتتى. ئىككىنچىسى، ئىچىملىك دەپ ئاتالغان بىرخىل ئېچىتقۇ بولۇپ، ئۇ شارابتىن پەرقلىنەتتى. بۇ خىلدىكى ئىچىملىكلەر بۇغداي، ئارپا، تېرىق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئېچىتىلىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا « بوزا » (149)، « ئاغارتغۇ » (150) - « بەگنى » (151)، « بوخسۇم » (152) دەپ ئاتىلاتتى. بۇلاردىن باشقا مەخسۇس بۇغداي شارابى ياسىلاتتى. (153) ئۈزۈم شىرنىسى (مۇسىدللەس) ياسىلاتتى ھەم كۆتەكتىن ئويۇپ ياسالغان ئولاققا قۇيۇپ سوۋۇتۇلاتتى. (154) بۇلارنى باشقا يەنە « فۇقا » ۋە « مىزاب » دەپ ئاتىلىدىغان ئىچىملىكلەرمۇ ياسىلاتتى. سىركە ئېچىتىلىپ كۇپقا قاچىلىناتتى. (155) ئىچىملىكلەر يەنە « تىم » (تۇرسۇق) دېيىلىدىغان تۈلۈملاردا ساقلىناتتى. ئۇنى ساتقۇچىلار « تىچى » دېيىلەتتى، بەزىلەر ئىچىملىك ساتقۇچىنىمۇ « تىم » دەپلا ئاتايتتى. (156) شاراب ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان كەمچەن « بارت » دېيىلەتتى. (157) ئىچىملىكلەر يەنە « ساغىر » دەپ ئاتىلىدىغان تۈۋى تار، ئاغزى كەڭ بىرخىل قاچىغا قاچىلاپمۇ ساقلىناتتى. (158) ئۈچىنچىسى، جۇۋارىش، مەئجۇن، سۈرگە قاتارلىق دورا-دەرمەكلەرگە قۇرۇق ھۆل يېمىش، گۈل، ھەسەل، گۈلئاب (گۈل سۈيى) قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ياسىلىدىغان قۇۋۋەت كۈمۈلىچى ۋە سۇيۇقلۇقى بولۇپ، بۇمۇ « ئىچىملىك » دەپ ئاتىلاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى يېيىشكە، بەزىلىرى تىل بىلەن يالاشقا، بەزىلىرى بولسا شاراب ئورنىدا ئىشتىھانى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىچىشكە تەييارلىناتتى. ئىچىملىكلەر ئۇرىققا، كوزىغا ياكى ئىدىشقا قاچىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغزى مەخسۇس ياغاچتىن تەييارلانغان تىقىن بىلەن مەھكەم ئېتىلىپ ساقلىناتتى. بۇنداق تىقىن ياغاچ « توغاقلىق » (159) دېيىلەتتى. ئىچىملىكلەرنى ئىشلىتىدىغان چاغدا ئىچىملىك مەخسۇس سۈزگۈچ بىلەن سۈزۈپ دۇغلىرى بىرتەرەپ قىلىنغاندىن
كېيىن ئاندىن ئىستېمال قىلىناتتى. ئىچىملىكلەرنى سۈزۈش ئۈچۈن قاچىلارنىڭ (ئىدىش ۋە ئۇرىق) ئاغزىغا بېكىتىلىدىغان يىپەك سۈزگۈچ «سارىم» (160) دەپ ئاتىلاتتى. ئىچىملىكلەر ئىدىشلارغا قاچىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن «ئىدىشچى باشى» ئۇنىڭغا تامغا بېسىپ پېچەتلەپ ساقلايتتى. قىش كۈنلىرى دوستلار ئارا نۆۋەت بىلەن «قاتار بەزمە» (مەشرەپ) ئۇيۇشتۇرۇلاتتى. بۇنداق قاتار بەزمىلەر «سوغدىچ» (161) دېيىلسە، كېچىلىك ئولتۇرۇشلار «سۈرچۈك» (162) دېيىلەتتى، ئىچىملىكلەر مانا مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئىچىلەتتى.
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ئىچىلىك بېشى نىزامىدا بەلگىلەنگەن قانۇن-يوسۇنلار يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۈچ خىل ئىچىلىك ئىچىدىكى ئۈچىنچى خىل ئىچىملىككىلا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئىچىلىك خان، بەگلەرنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشىدا، زىياپەت ۋە كۆڭۈل ئېچىشلىرىدا كەم بولسا بولمايتتى، شاراب ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش بۇ چاغدا خاندىن تارتىپ ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئىچىملىكلەر «بوشىغۇت» دېيىلدىغان «ساقى» (مەنىسى قەدەھ تۇتقۇچى)لار تەرىپىدىن ئىچدىغانلارغا تارقىتىپ بېرىلەتتى. «بوشىغۇت» لار يېشىل، كۆك، سېرىق ياكى ھال رەڭ يىپەك تون كىيەتتى.
ئىچىملىك بېشى نىزامىدا، «ئىدىشچى باشى» نىڭ شەرتلىرى مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ئىدىشچى باشى خان بىلەن بىر قېرىنداش بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا كۆپ يىل سىنالغان كىشى بولۇشى، نەپسىنى يىغىپ تۈز يولدا ماڭغان ئەر بولۇشى لازىم. ئىدىشچى باشى ئىشەنچلىك، كۆيۈمچان، كۆزى-كۆڭلى توق بولسۇن، خۇلقى-مىجەزى خۇددى ئوقتەك تۈز بولسۇن. كۈچى يېتىشسە مەينىمۇ ئۆزى ياسىيالايدىغان
بولسۇن. ئۇنىڭدا يېيىشكە، يالاشقا ۋە ئىچىشكە تەييار ھەممە دورىلار تېپىلسۇن. ئاشچى، ئىدىشچى بېگىگە سادىق بولمىسا بەگنىڭ يېيىشى-ئىچىشى بەك قىيىن بولىدۇ. شۇڭا ئىدىشچى باشى پۈتۈن ئىشنى دۇرۇسلۇق بىلەن قىلسۇن، يارامسىز، يامانلارنى يېقىن يولاتمىسۇن. مەينى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ ياسىسىز، تامغا بېسىپ ئۆزى ساقلىسۇن. ئۆز خىزمىتىنى سۆيۈپ ۋە كۆيۈنۈپ مېھرىبان بولۇپ، ئىدىشنى كۆزەتسۇن. شۇ ياڭلىغ ئىدىشچى بېشى تېپىلسا، ئىدىشچى ئىشنى ئۇنىڭغا بەرسە بولغاي.» (163)
ئىچىملىك باشى نىزامىدا « بوشىغۇت » (ساقى) لارنىڭ شەرتلىرى ۋە ئىنتىزاملىرى دەپ مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: « ئۇ ياش ئوغلان، يۈزى تولۇندەك، بويى تال چىۋىقتەك، چېچى قاپقارا، ئۆزى سۈرەتتەك بۇلسۇن. بېلى نازۇك، يەلكىسى كەڭ، تېنى ئاق، مەڭزى قىزىل بولسۇن. يېمەكلىكلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ياراشقاي دېسە، يېشىل، كۆك، سېرىق ياكى ھال رەڭ تون كىيسۇن. مەيگە قىل، تۈك ياكى خەس چۈشمىسۇن دېسە، ساقى ئېرىغ ۋە ساقالسىز بولسۇن. ئىدىشچى بېشى ئاشۇنداق، قەدەھ تۇتقۇچىلار مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك. ئۇ چاغدا بەگلەر ئۇلارغا چىنپۈتۈپ ئىشەنسە ۋە ئۇلارنى دۇرۇس ئەر بىلىپ ئۆزىگە يېقىن تۇتسا بولغاي.» (164)
قىسقىسى، « قۇتادغۇبىلىك » دەۋرىدە خانلىققا كېلىدىغان بالا-قازالار مۇنداق تۆت خىل كىشىلەر تەرىپىدىن بولاتتى، ئۇنىڭ بىرى ئەلچى، ئىككىنچىسى پۈتۈكچى، ئۈچىنچىسى ئىدىشچى، تۆتىنچىسى ئاشچى ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ ئىش ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ يۇقىرىقى توققۇز ماددىسى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلۇپ: « ئەگەر ئەلچى، پۈتۈكچى نالايىق بولسا، ئەلگە ئۇنىڭدىن كۆپ زىيان-زەخمەت تېگىدۇ،
ئەگەر ئىدىشچى ۋە ئاشچى يامان بولسا، ھايات يولى — جانغا زىيان يېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بىرقانچە كىشىنى خىللاشقا تىرىشىش، تولۇق خىللاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ئىش تاپشۇرۇش لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن (165).
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمدار ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى بولۇپ، ئۇ بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ئونىنچىسىدۇر. «بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى» دا، بەگ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇنۋانلىق خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر نىزاملاشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن بەگكە خىزمەتكە قويۇلىدىغان كىشىنىڭ بالىلىق ۋە چوڭ بولغان ۋاقتىدا خىزمەتكە قويۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئەڭ ياخشىسى ئادەم بالىلىق ۋاقتىدا بەگ ئىشىغا ئارىلاشسا ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە ئېنىق قىلىپ: «خىزمەتچىلەر مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بالىلىق ۋاقتىدا ئىشقا كىرىدۇ، يەنە بىرى بەگلەر ئىشىنى قىلىش ئۇنىڭغا چوڭ بولغان چاغدا نېسىپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ياخشىراقى كىچىك ۋاقتىدا خىزمەتكە كىرىپ كۆڭۈل تۈزەتكىنىدۇر. كىم خىزمەتكە ئىشىك ئاچاي دېسە، كىچىك ۋاقتىدىن خىزمەت قىلىشقا كىرىشكەي. قائىدە-يوسۇن، ئۇسۇل بىلىپ، كىرىش-چىقىش بىلەن ئەدەبنى ئۆگەنسۇن. سەھەر تۇرۇپ ئىشقا تەييار بولسۇن، مۇلايىم بولۇپ دىلى ۋە تىلىنى كىچىك تۇتسۇن. ئۇ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىپ، قۇلاق-كۆزىنى ئىتتىك قىلغاي. ئۆزىدىن ئۇلۇغقا خىزمەت قىلغاي، تىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سۆزىنى كۆزەتسۇن. ئەگەر كىچىك ئىشلارنىمۇ مۇشۇنداق بېجىرسە، بېگىگە يېقىنلاپ
كېچىك ئاسانلايدۇ. ئۇ، ئۆتۈنۈچتە دەل بولۇپ، كىرىش-چىقىشتا قائىدە-يوسۇنلارغا ئەمەل قىلغاي. كىچىكلەر شۇ ھالغا ئېرىشسە، ئۆرلەپ نېمە ئىشقا بارايدىغانلىقىنى بېگى بەلگىلەيدۇ » دېيىلگەن (166).
« بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى » دا، بەگ ئوردىسىدا ۋە بەگكە تەۋە جايلاردا خىزمەت قىلىدىغان ئۇنۋانلىق خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان. ئۇنىڭ بىرىنچىسىدە بەش خىل مەنسەپتىكى خادىملارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش شەرتلىرى نىزاملاشتۇرۇلۇپ: « جەنسۇر، مەرگەن بولسا ئوقياچى بولىدۇ، خۇلقى دۇرۇس بولسا تامغىچى بولىدۇ، خۇيى پاك، يۈزى چىرايلىق بولسا ساقى بولىدۇ. ھېساب ۋە خەت بىلسە ھېسابچى بولىدۇ، ئەگەر ئاقىل بولسا، پۈتۈكچى بولىدۇ. ھەر كىشىكى بۇلاردىن قايسىغا ئۇلاشسا، دىققەت بىلەن ئەيمىنىپ، ئىشىنى ئۈز قىلغاي » دېيىلگەن (167).
بۇ بەش خىل خادىملار « قۇتادغۇبىلىك » دەۋرىدە خانلىقنىڭ ئوڭ تۆۋەن قاتلىمىدا خىزمەت قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەگلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت قىلغان چاغلىرىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇن ۋە ئىنتىزاملىرى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن. ئۇلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
- بەگكە روبىرو تۇرغاندا كۆزى يەردە، قۇلاق تۆردە بولۇش، پۇتنى تۈزەپ، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇش.
- ئىشىكتىن كىرگەندە ئوڭ پۇتىنى ئېلىپ كىرىش، ئەمىر قىلسا، پاراسەت بىلەن ئاڭلاش.
- ئۆتۈنچ قىلاردا قولىنى تۆۋەن تاشلاپ، سىلىق، يۇمشاق بولۇپ، ئىككى تىز بىلەن چۆكۈش، ئوڭ-سول تەرەپكە قىيا قارىماي، ئەيمىنىپ تۇرۇپ سۆزىنى ئاڭلاش.
- سوئال سورىسا راستلىق بىلەن جاۋاب بېرىش، يارلىقنى راستلىق بىلەن تولۇق بەجا كەلتۈرۈش. 5. بىكار لاغايلاپ يۈرمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، يارامسىز، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش. 6. قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان سۆزنى ئاڭلىماسقا، كۆز بىلەن كۆرگەن ئىشنى كۆرمەسكە سېلىپ يۈرۈش. «بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى» دا، يۇقىرىقى بەش خىل خادىملارغا ئالتە خىل ئىنتىزام بەلگىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن: «كىشى خىزمەتكە مۇشۇنداق يارىسا، بەختى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ئىشى تۈزۈلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن (168).
ئۇنۋانلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئىككىنچىسىدە بەش خىل مەنسەپ تەسىس قىلىنىپ: «بىرى توپ چېرىككە توپ بېشى بولىدۇ، بىرى ئات ئۈزرە ئەل باشى بولىدۇ، بىرى ھاجىپ بولىدۇ، بىرى قوماندان بولىدۇ، بىرى كاتىپ بولىدۇ. ئەركىشىكى خىزمەتتە مۇشۇنداق ئورۇنغا يېتىشسە، ئۇلۇغلۇق تېپىپ مەقسەتكە يېتىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن (169).
ئۇنۋانلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچىنچىسىدە توققۇز خىل مەنسەپ تەسىس قىلىنىپ: «بىرى ئەقىل بىرلە كېڭەشچى بولىدۇ، بىرى (كۆك ئايۇق) لۇق ئۇنۋاننى ئالىدۇ. بىرى ئىنانچ بەگ، بىرى چاغرى بەگ، بىرى تىكىن بەگ، بىرى چاۋلى بەگ بولىدۇ. بىرى يابغۇ، بىرى يۇغرۇش بولىدۇ. يەنە بىرى نامسىز ئىش — مۇشاۋىرلىقنى قىلىدۇ» دېيىلگەن ھەمدە «خادىملارنىڭ دەرىجىسى شۇ قەدەر بولۇپ، رۇتبىسى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆسمەس. بەگ ئۆز خادىملىرىنى شۇ ھالغا يەتكۈزسە، ئۇ خادىملىرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئەركىشى مۇشۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولۇپ خىزمەت قىلسا، بېگىمۇ كۆپ نەپ ئېلىپ ئارزۇسىغا يېتىدۇ. ئەگەر بۇ
دەرىجىگە يەتكەنلەر ئىچىدە گۇستاخ ئەردىن بىرەرى چىقىپ قالسا، بېگىگە چوڭ زىيان يېتىدۇ، شۇڭا بۇ دەرىجىنى نالايىققا بەرمەسلىك كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن (170).
بەگ ئوردىسى ۋە بەگكە تەۋە جايلاردىكى ئۇنۋانلىق خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىككىنچىسىدىكى بەش خىل مەنسەپ بىلەن ئۈچىنچىسىدىكى توققۇز خىل مەنسەپتىكىلەر خانلىقنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ۋە ئوتتۇرا قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەمەلدارلار بولۇپ، « بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى» دا، ئۇلارنىڭمۇ سارايغا كىرىپ-چىقىدىغان چاغدا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان بىرقانچە بەلگىلىمە، قائىدە-يوسۇنلىرى بەلگىلەنگەن، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
- سارايغا كىرگەندە بايقاپ، چېچەن يۈرۈش، ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرنى ئەزىز كۆرۈش.
- كۆرەڭلەپ قولىنى سېلىپ كىرمەسلىك، باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش، غاپىل بولماسلىق.
- ئولتۇرار بولسا ئۆزىنىڭ قەيەردە ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ ئولتۇرۇش، سىلىق بولۇش، كىشىلەرنى رەنجىتمەسلىك.
- قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، گېلىنى قاتتىق قاقىرتماسلىق.
- بەلداشقان قۇرۇپ ئولتۇرماسلىق.
- يېنىچە ياتماسلىق.
- قاقاقلاپ قاتتىق ئۈن سېلىپ كۈلمەسلىك.
- تىرناق ئالماسلىق.
- پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق.
- قەسىرگە ھاراق ئىچىپ مەست كىرمەسلىك.
- ۋاقتى كەلمىگۈچە بەگكە كۆرۈنمەسلىك، بەگ قىچقىرىش بىلەن تەڭ شۇئان كىرىپ كۆرۈنۈش.
- بەگ سوئال سورىسا قىسقا جاۋاب بېرىش، بىلگىنىنى تولۇق ئېيتىش، بەگ سۆزىنى توختاتسا توختاش.
-
بەگلەر ئاشقا قىچقارما ئەدەب بىلەن يېيىش، تاماقنى ئوڭ قول بىلەن ئېلىش، ئاۋۋال بىسمىللاھىررەھمانىررەھمەنى ئېيتىش، كىشىنىڭ ئالدىغا قول ئۇزارتماسلىق، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىنى يېيىش، پىچاق چىقىرىپ سۆڭەك غاجىماسلىق، يېيىشنى ئۇزارتماسلىق، تويسۇردەك ئالدىراپ يېسەسلىك ھەم ئاياللاردەك ناز قىلىپمۇ تۇرماسلىق، ھەرقانچە توق بولسۇمۇ بەگ ئېشىنى يېيىش.
-
بەگ ھەرقانداق ئىشقا بۇيرۇسا سەمىمىي ئىشلەش (171). «بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى» دا، خانلىقنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلىمىدا خىزمەت قىلىدىغان مەنسەپدارلار ھەققىدە باشقىچە بىر لايىھىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ لايىھە «قۇتادغۇبىلىك» تە «بىر ئالىم ئەجەب ياخشى گەپ ئېيتقان، بۇ گەپتىن ساپ ئالتۇن كەبى نەپ تېگىدۇ» دېگەن مۇقەددىمە بىلەن بايان قىلىنغان. بۇلار: بىرىنچى، بەگ، ئىككىنچى، يابغۇ، ئۈچىنچى، لەشكەر بېشى (سۇ ئەركى)، تۆتىنچى، ھايىل (بىر توپ لەشكەر)، بەشىنچى، ئون ئوتاغ (ئون چادىر باشلىقى)، ئالتىنچى، ۋەزىر، يەتتىنچى، كېڭەشچى، سەككىزىنچى، كۆك ئايوق، توققۇزىنچى، ئەل باشى (ۋىلايەت بېشى)، ئونىنچى، لەشكەر باشى (سۇ بېشى)، ئون بىرىنچى، ھاجىپ، ئون ئىككىنچى، خەزىنە ئىشى (ئاغلىق)، ئون ئۈچىنچى، خاس كاتىپ (بېتىكچى ئىلىمگا) قاتارلىقلاردۇر. بۇ لايىھىنىڭ ئاخىرىدا: «ئۇنۋانلىق خىزمەت قىلغۇچى شۇلاردۇر، بۈلەكلىرى بۇلارغا تەۋە بولغۇچە-دۇر» دېيىلگەن ھەمدە ئۇنۋانلىق خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا تېخى «يەنە بىرقانچە ئىشچى، تۆشەكچى، قۇشچى، ئاشچىلارمۇ بار» دەپ ئەسكەرتىلگەن (173).
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ساراي ئەھلى بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇش، ئاۋام خەلق بىلەن قانداق
مۇناسىۋەتتە بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىملەر بىز دەۋاتقان ئوردا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ئون بىرىنچىسى بولۇپ، ئۇ ئەسلى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، تەركىيدۇنيالىقتىن ۋاز كېچىپ، خان ئەمرىنى تۇتۇشقا تەمشىلىۋاتقان زاھىدلارنىڭ ساراي ئەھلى ۋە ئاۋام خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلگەن پۇقرادارچىلىق ۋە مۇناسىۋەت نىزامىدۇر.
ئۇنىڭدا ئەڭ ئاۋۋال قىلىپ: «بەگ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ يېقىنلىقىنى تىلسەڭ، ساراي ئەھلى بىلەن يېقىنلىق تىلە، ئۆزۈڭگە ئۇلۇغلۇق تاپاي دېسەڭ، خادىملار بىلەن خوپ ئۆت. ئەگەر ساراي ئەھلى بىلەن ياراشمىساڭ، ھاياتىڭ تېتىقسىز بولىدۇ، شۇڭا ساراي ئەھلى بىلەن چىقىشماق، ئۇلارغا قېتىلماق، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماق كېرەك. شەھەر-كەنت ئارا كىرمەكچى بولساڭ، خەلققە قوشۇلماق كېرەك» دېيىلگەن (173).
پۇقرادارچىلىق نىزامىنىڭ ساراي ئەھلى بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمسىدە، ساراي ئەھلى ساراي ئەھلى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان ئوبيېكت ئۈچۈن ئېيتقاندا، چوڭلار، تەڭ-تۇشلار ۋە كىچىكلەر دەپ ئۈچ گۇرۇھقا بۆلۈنگەن ھەمدە ئۇلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى نىزاملاشتۇرۇلۇپ: «ساراي ئەھلى دەل ئۈچ گۇرۇھ كىشىدۇر. بىرى، ئۆزۈڭدىن چوڭلار، ئۇلۇغلاردۇر، بىرى تەڭ-تۇشۇڭدۇر، يەنە بىرى سەندىن كىچىكلەردۇر. چوڭلارغا ئىشلىسەڭ بەختىڭ ئېچىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئۇلۇغلا، سۆزلىرىنى قەدىرلە، ئۇلار يۈزىنى يورۇتۇپ سېنى ياخشى كۆرگەي. تەڭ-تۇشلىرىڭنى يىراقلاتساڭ يېغى، يېقىنلاتساڭ ئاداش بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ جاۋابىغا مۇناسىپ جاۋاب بەر. كىچىكلەر بىلەن كۈنۈڭ ئاچچىق-چۈچۈك ئۆتكەي.
شۇڭا كىچىككە بوزەك بولمىغىن، تىلىڭنى بېيىتىپ تۇت، ھەزىللەشمىگىل» دېيىلگەن (174).
بەلگىلىمىدە، دوست تۇتۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق ئىككى تۈرلۈك ئىش ئۈچۈن بولىدۇ ھەم شۇ ئىككى تۈرلۈك ئىش ئۈچۈن كىشى دوست تۇتىدۇ. بىرى، تەڭرىلىك ئۈچۈن يولداش تۇتىدۇ، بۇنىڭدا ئەگرىلىك ئۈچۈن ئورۇن يوق، يەنە بىرى، نەپ ئېلىش ئۈچۈن دوست تۇتىدۇ، بۇ دوستلۇق نىگىزسىز، مەجبۇرىي بولىدۇ. ئەگەر تەڭرىلىك ئىشىنى تۇتساڭ، يۈكىنى يۈد، ئاچچىق بولما، يۈزۈڭنى پۇرمە، بۇنىڭ پايدىسىنى بۇندا كۈتمە، چىدا، بۇنىڭ ئەجرىنى خۇدا تاڭنا كۈنى بەرگەي. دوستلۇق ئەگەر جاھان نەپشى ئۈچۈن بولسا، ئۇنداق دوستلۇققا قېتىلما، قېتىلغان بولساڭ قولۇڭنى ئۈز.» (175)
بەلگىلىمىدە يەنە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئاداش تۇت. يېقىن بولغىلى تولۇق ئەر تىلسەڭ، بۇنىڭغا يەتكىلى مۇنداق ئىككى خىل كىشى بار. بىرى، ئەسلى ياخشى، تولغان كىشى، ئەگەر شۇنداق كىشى تېپىلسا، ئۇنى سەن ئاداش تۇت، يەنە بىرى، تەقۋادار كىشى، ئۇنداق كىشى، خۇدانى بىلىدۇ، كىشىلىك شۇنىڭدەك كىشىدىن كېلىدۇ. شۇڭا شۇ ئىككى خىل ئەرگە يېقىنلاش، ياخشىلىق شۇلاردىن ساڭا يانىدۇ، يامان ئاتلىق كىشىدىن يىراق بول، چۈنكى، بۇ ياڭلىنغ كىشىلەرنىڭ قىلىقى قارا بولىدۇ. مۇنداق ئىككى خىل ئەرگە قېتىلما، يىراق تۇر، قېتىلساڭ چاتاق چىقىدۇ: بىرى چېقىمچى، پىتنە-پاساتچى، بىرى ئىككى يۈزلۈك، ئۆز مەنپەئەتچى. يەنە مەيخورنى ئاداش تۇتمىغىن، چۈنكى ئۇ ۋاپاسىز بولۇپ دىلنى غەش قىلىدۇ. خۇدبىن دوستقا ھەرگىز كۆڭۈل بەرمە، ئەگەر نەپ تەگمىسە ھامان ياۋ
بولىدۇ» دېيىلگەن (176).
پۇقرادارچىلىق نىزامنىڭ ئاۋام بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىدە، ئاۋام خەلق ئاۋام بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان ئوبيېكت ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى، ئالىلار، تېۋىپلار، ئەپسۇنچىلار، چۈش ئۆرۈگۈچىلەر، مۇنەججىملەر، شائىرلار، دېھقانلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ھەم پېقىرلەر دەپ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان 12 خىل گۇرۇھقا بۆلۈنگەن، بەلگىلىمىدە، ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، ھال-ئەھۋالى، ئىش ھەرىكىتى، غەم-غۇسسىلىرى، پەزدىلەت-خۇسۇسىيەتلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرى، نۇقسان، ئاجىزلىق، قۇسۇر، كەمچىلىكلىرى، ئىنسانچىلىققا كەلتۈرىدىغان يايدا-زىيانلىرى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە چۈشىدىغان ھاجەت، موھتاجلىقلىرى قىسقىچە بايان قىلىنغان ھەمدە: «ئەلدە بولىدىغان تۈرلۈك قوشۇلغۇ كىشىلەر شۇلاردۇر. ئۇلاردا ئىشىڭ بولسا ياكى ئۇلارنىڭ سەندە ئىشى بولسا، كۆيۈمچان بولۇپ ئىشلىرىنى ھەل قىلساڭ، ئۇلار ساڭا يېقىنلاپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا سېنىڭمۇ ئىككىلا ئالەمدە ئېتىڭ ياخشى بولغاي، ئۈنۈڭ تارالغاي» دېيىلگەن (177).
ئالتىنچى، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار
ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قانۇن — دۆلەتنىڭ قانۇن سىستېمىسى ئىچىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى دۆلەتنىڭ سىنىپىي خاراكتېرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇ، قوراللىق كۈچلەر ئىچىدىكى ئادەتتىكى قانۇن، ھەربىي ئىشلار قانۇنى، ئۇستاپ، قوماندان ۋە باشلىقنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن
ئورنىتىلغان مۇناسىۋەت تۈزۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ئەسكەر باشلىغۇچى، كىشىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىملەر بىز دەۋاتقان ئەنە شۇ ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ نەزملەشتۈرۈلگەن ۋارىيانتىدۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» نە قەيت قىلىنغان ھەربىي ئىشلار قانۇنىدا، قوشۇن تەشكىللەش، قوشۇننىڭ تۈزۈلۈشى، قوشۇنغا باشچىلىق قىلىدىغان ھەربىي قومانداننىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى، بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلىرى، قوشۇننىڭ ھەربىي ئىتتىزامى، ئەسكەرلەرنى قوماندانغا ئىتائەت قىلدۇرۇش ۋە بېقىندۈرۈش تەدبىرلىرى، ھەربىي يۈرۈش ۋە جەڭ قىلىشنىڭ پرىنسىپلىرى، جاسۇس ۋە ھىيلە ئىشلىتىپ دۈشمەننىڭ ئاخباراتىنى ئىگىلەش، جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىشلار بەلگىلەنگەن. ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ قوشۇن تەشكىللەش قىسمىدا: «لەشكەر تۈزۈپ قوشۇن باشلىماق ۋە ياۋنى قىرىپ تاشلىماق ناھايەت چوڭ ئىشتۇر. شۇڭا بەگكە جەزمەن ياۋنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا ياراشماس قوشۇن باشچىسى كېرەكتۇر» دېيىلگەن ھەمدە قوشۇن تەشكىللەيدىغان قومانداننىڭ قانداق شەرتلەر بىلەن قوشۇننى قانداق تەشكىللەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ئىشقا جەسۇر، بېشىدىن ئىش ئۆتكەن، ناھايىتى قاتتىق ئەركەك يۈرەك، خىل ۋە ھوشيار ئەرەن كېرەكتۇر. شۇ چاغدا ئۇ، غاپىللىق بىلەن تۆھمەت كۆرمىگەي. ئۇ، مۇلايىم، باتۇر، سېخىي، تەمكىن، نان-تۇزى كەڭرى بولسۇن. قوشۇن باشلار كىشى سېخىي بولسا، ئۇنىڭ قېشىغا سەرخىل كىشىلەر بېشى يىغىلغاي، ئۇ ئۆزىگە بىرئات، تون ۋە قورال قالدۇرۇپ، بارلىق مېلىنى چېرىكلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرسە، ھەممىنى ئۆزىگە
ئاداش-درست ۋە قولداش تۇتسا، ئېتى جاھانغا مەشھۇر بولسا، شۇنىڭ ئۆزى كۆپايدۇر » .
قانۇندا ھەربىي قومانداننىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى مۇنداق بەلگىلەنگەن؛ « قوماندان بوسۇن تۈزەپ ئۆزىنىڭ مۇنداق بىرقانچە ئىشىنى رەتكە سېلىشى كېرەك. بىرىنچى، سۆزى چىن، ئېيتقىنى تامام راست بولسۇن، چۈنكى ئۇلۇغ يالغانچى بولسا، ئاۋام پۈتسەس. ئىككىنچى، سېخى بولسۇن، چۈنكى، ئالارمەن كىشى بېخىلغا يولساس. ئۈچىنچى، يۈرەكلىك ۋە جەسۇر بولسۇن. چۈنكى يۈرەكسىز ئادەم ياۋنى كۆرسە ئاغرىپ ياتىدۇ. تۆتىنچى، ئۇ ھىيلە ۋە پىلان بولسۇن. چۈنكى كىشى ھىيلە بىلەن ئارسلان تۇتىدۇ. قوشۇننى بۆسۈشكە چىڭ بولماق، چېرىك قوزغىتىشقا تېز بولماق كېرەك. ئەگەر قومانداندا مۇشۇ خىسلەتلەر بولسا، يېغىنى يېڭىپ ھەيۋىسىنى يوقىتىدۇ. شۇ خىل قوماندان قوشۇننى باشلىسا، دۈشمەن ئۈستىدىن ھامان غالىپ كېلىدۇ » دېيىلگەن (179). قانۇندا يەنە ھەربىي قوماندانغا كۆيۈنۈش لازىملىقى ھەققىدە توختىلىپ: « نۇز، نان، ئېشى كەڭ بولغۇلۇق، ئات، قورال، تونىمۇ ھەم تەڭ بولغۇلۇق لازىم » دېيىلگەن بولسا، ھەربىي قومانداننىڭ قورقماس يۈرەكلىك بولۇشى ھەققىدە توختىلىپ: « يۈرەكسىز كىشى سوقۇشتا كارغا كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ چىشقا ئوخشايدۇ. ئۇ، قوشۇننى بۇزىدۇ. قوشۇن بۇزۇلسا، قوشۇندىكى ئەرلەر بىر-بىرىنى بۇزىدۇ. شۇڭا ئۇرۇشتا قوماندان يۈرەكلىك، چىداملىق بولۇش كېرەك » دېيىلگەن (179).
قانۇندا: « قوشۇن بېشى كەمتەر، مۇلايىم بولسا، ئۇ ئۆزىنى دائىم خەلققە سۆيدۈرىدۇ. كىچىك دىل كىشى كىشىنى يىللىتىدۇ، ئىتتىك تىل كىشى كىشىنى قاچۇرىدۇ. قوماندان ئۆزىنى يوغان تۇتاركەن، دۈشمىنىدىن بىگۇمان تاياق يېگەي.
تەكەببۇر كىشىلەر غاپىللىق قىلىدۇ، غاپىللار بۇزۇلىدۇ ياكى بىۋاقىت ئۆلىدۇ» دېيىلگەن (180).
قانۇندا ھەربىي قومانداننىڭ رولى، قوشۇندا بولۇشقا تېگىشلىك ھەربىي ئىنتىزاملارنىڭ قانداقلىقىنىڭ قوشۇننىڭ ھايات-ماماتلىق تەقدىرىگە بولغان مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «قوماندان ئېتىم چىقسۇن دېسە، جەسۇر، ساقال-چېچى رەتلىك، بەھەيۋەت، غەيۇر بولسۇن. قومانداندا يامانغا قورقۇتقىلى ھەيۋەت، ياۋاشلارغا سۆيدۈرگىلى ياخشىلىق بولۇش كېرەك. قوشۇننىڭ بارلىق ئىشى سىياسەتكە باغلىقتۇر، شۇڭا قوشۇن بېشى سىياسەت بۈدۈتسۇن. قوشۇن سىياسەت بىلەن باشچىسىز قالماس، باش بولسا قوشۇن شۈبھىسىز ئۇيۇشقاي. قايسىبىر قوشۇن باشسىز، بوشاڭ بولسا، ئۇنداق قوشۇن بۇزىلىدۇ» دېيىلگەن (181).
ھەربىي ئىشلار قانۇننىڭ دۈشمەنگە يۈرۈش قىلىۋاتقان قىسمىنىڭ قوماندانلىرىنىڭ قانداق بولۇشىغا ئاجرىتىلغان بۆلىكىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋغا يۈرۈش قىلغاندا، قوماندان مۇنداق بىرقانچە ئىش ئۈچۈن يوسۇن تۈزۈش كېرەك: ئۇ سوقۇشقاندا يولۋاستەك يۈرەكلىك، تۇتۇشقاندا يىلپىز بىلەكلىك، توڭگۇزدەك تەرسا، بۆرىدەك كۈچلۈك، ئېيىقتەك ئېتىلغاق، قوتازدەك ئۆچ ئالغۇچى، قىزىل تۈلكىدەك ھىيلىگەر، بۇغرا تۆگىدەك ئاداۋەتچى بولسۇن. سېغىزخاندىن سەگەكرەك، كۆزى قىيا قۇزغۇندەك يىراقنى كۆرىدىغان، كېچىسى ھەر زامان ھۇقۇشتەك ئويغاق، ھىممەتتە ئارسلاندەك بولسۇن. ئۇ مۇشۇ خىل سۈپەتلەر بىلەن ئاندىن جەڭچى بولالايدۇ.» (182).
ھەربىي ئىشلار قانۇننىڭ قوشۇننىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى بۆلىكىدە: «قوشۇن بېشىغا كۆپ چېرىك ئەمەس بەلكى خىل چېرىك كېرەك. چېرىككە خىللانغان خىل قورال كېرەك. قوشۇن
سانى كۆپ بولسا باشسىز بولىدۇ. قوشۇن باشسىز بولسا جەڭچىلىرى يۈرەكسىز بولىدۇ. سىنالغان بىر ھەربىي، ئون ئىككى مىڭ ئەرلىك قوشۇن كۆپلۈك قىلىدۇ، تۆت مىڭ ئەرلىك قوشۇن دەل يېتىدۇ، دەپ ئېيتقان. كۆپ ئەسكەر يېيىلسا، ئىچى بۇلغىنىدۇ، ئۇنداق قوشۇن يارامسىز بولۇپ، تۈزەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاتاقلىق جەسۇر بىر سوقۇشچى، قوشۇننى كۆپەيتمەي يىگىتلەر بىلەن قورالنى خىل قىل، سانى كۆپ چېرىك كۆپ قېتىم يېڭىلگەن، قوشۇن مۇنتىزىم بولسا، كۆپىدىن ئېزى خوپ، دېگەن. بۇ سۆزنى ئىشتىكەچ ئەمەل قىلىش كېرەك» دېيىلگەن (183).
قانۇننىڭ ھەربىي پۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش قىسمىدا: «قوماندان ئەگەر يىغىغا ھۇجۇم قىلسا، يېغى ئۇرار ئەرلەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسۇن. قوماندان چارلىغۇچى قىسملىرىنى خىللىماق، قۇلاق-كۆزنى ساقلاپ يىراق قارىماق كېرەك. چارلاۋچى تۇتقاق (دۈشمەننىڭ ئالدىنقى قىسمى) غا ئۇچراشسا، ئارقىدىن يېتىپ بېرىپ ھۇجۇم قىلسۇن. قوشۇننى ساقلىسۇن، مۇنتىزىم قىلسۇن، سەپتە ھېچكىم ئىلگىرى-كېيىن يۈرمىسۇن. ئۇ قارارگاھ ۋە يۇرتۇغ (مۇھاپىزەتچى قىسم) تۈزۈشنى بىلسۇن. قوشۇن ساقچىلىرى ھوشيار تۇرسۇن. ئەلەم تۇتقان ئەر ھەرىكەتنى كۆزەتسۇن، ياۋنى ئۇرار ئەر ھېچ چەتتە قالمىسۇن. پۇختا جاي كۆرۈپ قوشۇننى چۈشۈرسۇن. قوشۇن توپ بولۇپ تۇرسۇن، يىراق كەتمىسۇن. ئۇ ھوشيار بولسۇن، غەپلەتتە قالمىسۇن، غاپىل بولسا، دۈشمەن زىيان ئۇرىدۇ. دۈشمەننىڭ دېرىكىنى ئېلىپ ياۋغا يېقىنلاشسا، ئوت، سۇنى كۆرۈپ قارارگاھ قۇرسۇن» دېيىلگەن (184).
ھەربىي ئىشلار قانۇننىڭ جاسۇس ئىشلىتىش قىسمىدا، ئۆز تەرەپنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاپ دۈشمەنگە بىلدۈرمەسلىك، ئامال قىلىپ دۈشمەن تەرەپنىڭ
ھەربىي ئاخباراتىنى ئىگىلەپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىش نىزاملاشتۇرۇلۇپ: « ئۇ، قوشۇننى كۆزەتسۇن، دۈشمەنگە تىل (خەۋەر — ئەسىر مەنىسىدە) بەرمىسۇن، قوشۇن ئازمۇ، كۆپ، ياۋ ئۇنى بىلمىسۇن. ئەڭ ئاۋۋال تىرىشىپ تىل ئالماق كېرەك، بۇ تىلدىن ياۋ ھالىنى بىلمەك كېرەك. ئىشنى شۇنىڭغا قاراپ ئىشلىسۇن، ياۋ بېشىنى كېسىپ، بوينىنى يانجىسۇن » دېيىلگەن (185).
ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ ھىيلە ئىشلىتىش قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: « ياۋنى يوقاتماققا ئىككى قورال كېرەك، بۇ ئىككى قورالدىن ياۋ زاۋال كۆرىنىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال ھىيلە ئىشلىتىش كېرەكتۇر، ياۋ ئالدانغانلىقىدىن يۈزى قىزارسۇن. ئىككىنچى، سەگەكلىك — ئويغاقلىق لازىمدۇر، كىم سەزگۈر، ساق بولسا، ئۈستۈن كېلىدۇ، كىم جەڭدە ساق، ئويغاق، ھوشيار بولىدىكەن، ئۇ، ياۋغا گۇمانسىز زىيان سالىدۇ ۋە ئۇتۇپ چىقىدۇ. » (186).
ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ ستراتېگىيە قىسمىدا، ئۆز بىلەن دۈشمەن كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسى نىزاملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا: « دۈشمەننىڭ داڭقى يىراقتىكى چاغدا، كۆزگە كۆرۈنمەس چاغدا ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، كۆرۈشكەندە بولسا، بۇ شۆھرەت كەملەپ كېتىدۇ. دۈشمەننىڭ قوشۇنى كۆپ، ئۆزىنىڭ قوشۇنى ئاز بولسا، دەرھال ساز تەدبىر كۆرۈش، سوقۇش قىلماسلىق، مۇمكىنقەدەر ئۇنىڭ بىلەن يارىشىش، ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ مۇمكىنچىلىك بولمىسا، ساۋۇت كىيىپ ئېلىشىش لازىم » دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە: « دۈشمەننى غەپلەتتە قوي، كېچىسى ھۇجۇم قىل، چۈنكى، كېچىدە ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلىنمەس. ئەگەرچە يېڭىشكە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئەلچى ئەۋەتىپ ياراشقىن. تىلىڭ بىرلە ئەل بول، ئۆزۈڭنى كۆزەت، سوقۇشماققا ئالدىرىما،
سۆزۈڭنى بەس ئەت. ئەگەر بۇمۇ بولماي يېغى قۇترسا، ئۈرۈشماقنى ئىستەپ كۆڭۈل بەرمىسە، ئىشىڭنى ئۇزارتماي قوشۇن تۈز» دېيىلگەن (187).
ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ تاكتىكا قىسىدا، « چېرىكتىن بىر قىسمىنى مۆكتۈرۈپ قوي، سەن ئالدىن يۈرۈپ ياياق ئوقچىنى سال. ساقال-چاچلىرى ئاقارغان كىشى كۈرەشچى ۋە كۆپ ئىشنى بىلىدىغان بولىدۇ. كىچىك ياش يىگىتلەرنىڭ ھەرىكىتى بەكمۇ تېز بولىدۇ، ئەمما ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئوتى تېز ئۆچىدۇ. شۇڭلاشقا، يېشى چوڭ كۈرەشچان، جەسۇرلارنى سەپ ئالدى قىل، جەڭچىلەرنى باشلاپ ماڭسۇن. ئالدى بىلەن سەپنىڭ ئوتتۇرىغا ئىشەنچلىك كىشىنى قوي، كېيىن ئوڭ-سولۇڭغا يەنە باشقىدىن ئادەم بېكىت. لەشكەرلەر يېقىنلىشىپ ئەرلەر تۇتۇشقاندا، نەرىلەر تارتىپ ئۇدۇلدىكىنى ئۇرسۇن. ئەڭ ئاۋۋال يىراقتىن ئوق ئاتقۇلۇق، يېقىنلاشسا نەيزە بىلەن تىققۇلۇق. جەڭگە كىرىشكەندە، دۈشمەننى پالتا، قىلىچ بىلەن چاپ، تىرناقتا تاتىلاپ، ياقىدىن تۇت، چىشلە، چىدا. ياۋغا ئازقاڭنى تۇتۇپ بەرمە. ياۋنى يوقات ياكى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ يات» دېيىلگەن (188).
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى ئۇيغۇر ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەربىي قانۇنىدا، دۈشمەننى يېڭەلمەسلىك، ئاجىز كېلىپ يېڭىلىش، جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كېتىش، قوشۇننى تالاپەتكە ئۇچرىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابكارلىرى دەخلىسىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىناتتى. بۇ تامامەن ئۇلارنىڭ مەردلىك، باتۇرلۇقىدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ شەرەپ-نومۇس تۇيغۇسىنىڭ قانۇن. تۈزۈمدىكى ئىپادىلىنىشى ئىدى. « سۇينامە. تۈركلەر ھەققىدە قىسە » دە: تۈركلەر « جەڭ مەيدانىدا سوقۇشۇپ ئۆلۈشنى شەرەپ، ئۆز ئۆيىدە
ئاغرىپ ئۆلۈشنى نومۇس بىلىدۇ. بۇ تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئادىتى ھۇنلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش» دېيىلگەن خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىكى بۇ مەلۇماتلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمى ئاستىدىكى ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان مەزمۇنلىرىنى بېيىتىدۇ ھەم ئۇنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىرەك چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىك» تە قەيت قىلىنغان ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ يۇقىرىدىكى مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، باتۇرلۇق، ئۇياتلىق بولۇشنىڭ ئۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنچىكە تەھلىل قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «كېلىن قىزنىڭ سۆيۈنگەن ۋاقتى توي قىلغان كېچىسىدۇر، باتۇرنىڭ سۆيۈنگەن ۋاقتى جەڭ قىلغان كۈنىدۇر. باتۇر يېغىنى كۆرسە تۇزاندەك قوپىدۇ، نۆۋەتنى بۆلەكلەرگە ھەرگىز بەرمەس. باتۇر ئات چاپتۇرۇپ لەشكەرنى ئالغا سۈرىدۇ، دۈشمەن قېنىنى لاچىن قۇش ئالغاندەك تۆكىدۇ. باتۇر چېرىك كۆرسە ئارسلان بولۇپ، ياۋنى يوق قىلىدۇ ياكى ئۆزى جان بېرىدۇ. باتۇر يېغى كۆرسە، جەڭدە ئۆزىنى قىزىل قانغا بويايدۇ، ئېگەر، ئات-ساۋۇتلار قىپقىزىل بولىدۇ، قىزارغان قىزىل يۈز ياپېشىل بولىدۇ. ئەرگە ئۇيات كېرەك، كىشى ئۇياتلىق ئۈچۈن تاكى ئۆچىنى ئالمىغۇچە ياۋنى ئۇرىدۇ. ئۇيات بىلەن ئىنسان ياۋنى يوق قىلىدۇ. ئۇرۇشتا ئەڭ ئاۋۋال ئۇياتسىز كىشى قاچىدۇ. قورقۇنچاقمۇ ئۇيىلىپ باتۇرلۇق قىلىدۇ. ماختىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ. يۈرەكلىك ئاتالغان كىشى ئۇياتلىق بولىدۇ، ئۇياتلىق ئەر ئۆلسە ئۇرۇشۇپ ئۆلىدۇ» (۱۸۹). ھەربىي ئىشلار قانۇنىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسمىدا، ھۇجۇمغا ئۆتكەن ۋاقىتتىكى قىسمىنىڭ ھالىتى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ھەربىي ساۋاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «يېغى ساڭا ئات سېلىپ ھۇجۇم قىلسا چىدا، تەن بەرمە، ئۇ چوقۇم توزۇيدۇ.
ئەگەر يېغى تەۋرىسە، سەنەۋ تەۋرىگىن، ئۆرە ئاياغ تۇرۇپ دەرھال باپلىغىن. ئەگەر ياۋ چېكىنسە، قوغلاپ تۇتمىساڭ، ئۇنىڭدىن يېتەرلىك ئەسىر ئالمىساڭ. جەسۇر جەڭچىلىرىڭنىڭ سېپى بۇزۇلىدۇ، ياۋ كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتا ھۇجۇم باشلايدۇ. يېغى قاچسا، ئۇزاق يەرگىچە قوغلاپ بارما، چۈنكى، يىراق قوغلىغان تويغۇچە قامچا يەيدۇ. يېغى بىر چېچىلسا يىغىلمىقى تەس، ئۈمىدسىز. كىشىلەر ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، ئاۋۋال ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ئۆزى ئۆلىدۇ. ياۋ ئۈمىدسىز بولسا ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ، ئۆلۈمدىن قورقمىغانغا كىم تەڭ كېلىدۇ؟ ئەر غاپىل بولسا، كېتىپ بېرىپ ئۆلىدۇ، ئەر غاپىل بولمىسا، تىلىكىگە يېتىدۇ» دېيىلگەن (1901).
ھەربىي ئىشلار قانۇنىدا جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش، ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى دۈشمەن قولىدىن بوشىتىپ قايتۇرۇپ كېلىش، يارىدارلارنى داۋالىتىش، قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا نەپەقە بېرىش قاتارلىق ئىشلارمۇ نىزاملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «كىم ئىش قىلسا ئۇنىڭغا تېز مال بەرگۈلۈك، مال بېرىپ يۈزىنى قىزىل قىلغۇلۇق لازىم. ئەسىر ئالسا ماختاپ تارتۇقلاش كېرەك، بۇ تارتۇق بىلەن ئەر خۇش يۈرەك بولسۇن. يامان ماختىلىش بىلەن ياخشى بولىدۇ، ياخشى ماختالسا قاچان كېيىن قالىدۇ؟ ئەرنى ماختىساڭ ئۇ قولى بىلەن شىرنى تۇتىدۇ، ئەگەر ئېتىڭنى سىلىساڭ قۇشقا قوغلاپ يېتىدۇ. يارىدار بولسا داۋالات، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان بولسا قۇتۇلدۇرۇپ قايتۇرۇپ كەل. ئەگەر ئۆلگەن بولسا، قەدىرلەپ كۆتۈرگىن، ئوغۇل-قىزى بولغان بولسا ئۇنىڭ ھەققىنى بەر. قوشۇنۇڭ بۇنى كۆرسە كۆڭلى سۆيۈنگەي ھەم جەڭ مەيدانىدا چېنىنى پىدا قىلغاي.» (191).
ھەربىي ئىشلار قانۇنىدا يەنە: «كىشىگە بۇنداق ئۈچ
نەرسە ياخشى بىر ئىشتۇر، ئۇ بولسىمۇ شېرىن سۆز، كۈلەر يۈز، مال-نەرسە بېرىش. شۇڭلاشقا كىشىگە كۈلەر يۈز، شېرىن سۆز بىلەن تاۋار بەر، شۇ چاغدا ئازاد ئەرلەر بۇ ئۈچكە كېلىپ توپلىنىدۇ. كۈمۈش بىلەن ئالتۇنغا قۇل سېتىۋالما، مۇشۇ ئۈچ نەرسەڭنى پىدا قىل، ئۇ، ھەممىنى يىغىدۇ. قوشۇن باشلىقى شۇنداق بولماق كېرەك، شۇ چاغدا ئۇ قوشۇن باشلىما، ئەزگۈرەك بولىدۇ. ئەگەر ئالتۇن-كۈمۈشنى سوۋغات ئەيلىسەڭ، كىشىلەر ساپ ئالتۇنغا تەڭ جانلىرىنى ساڭا پىدا قىلىدۇ. مۇشۇ ئۈچ نەرسە بىلەن خىزمەتچى ساڭا قۇل بولىدۇ، بۇ ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۇلى بولۇپ، ئۇنى بەگ چوقۇم بىلگۈلۈكتۇر. ئەگەر خان مۇشۇنداق قومانداننى تاپسا، ئۇنىڭ ئىشى ھامان ئىشەنچلىك ھالدا باشقا چىققاي « دېيىلگەن (192).
يەتتىنچى، جىنايى ئىشلارغا ئائىت قانۇن - يوسۇنلار
«قۇتادغۇ بىلىك» تە قەيت قىلىنغان جىنايى ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار ئالدى بىلەن ئۇنىڭ «مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» بابىدا ئاندىن كېيىن شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى بابلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ نىزام-لاشتۇرۇلغان. ئۇنى دۆلەت ئىشلىرى جىنايىتى، دىنىي ئەقىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى، سۇيىقەست ۋە چېقىمچىلىق قىلىش جىنايىتى، ئامانلىق ئىشلىرى جىنايىتى دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
دۆلەت ئىشلىرى جىنايىتى — دۆلەت خادىملىرىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا قىلىش، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشى ھەم ئاۋام خەلقنىڭ بەگلەر ئۈستىدە غەيۋەت-شىكايەت
قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان ھەرقانداق كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 30-بابى — «ئەسكەر باشلىغۇچى كىشىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا» دا: «ئىككى ئىش بۈيۈك بولۇپ، ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ ئېتىدۇر. بىرى ۋەزىرلىكتۇر، قولىدا قەلەم بار، يەنە بىرى ئەسكەر باشلىغۇچىدۇر، قولىدا ئەلەم بار. بۇ ئىككىسى بىرىكىپ ئەلنىڭ تەرتىپىنى تۈزەيدۇ، بۇ كىشىلەر خىللانغان بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار بەگكە زىد بولسا، بېشى كېتىدۇ» دېيىلگەن (1991-47-بابى — «بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى» دا: «ئەگەر كىشى مۇنداق ئۈچ ئىشتا ئۆزىنى كۆزەتسە ئۆزىنىڭ بېشىنى يەر، بىرىنچى، بەگلەرنىڭ سۆزىنى ئەستە چىڭ تۇتماق؛ ئىككىنچى، توپىلاڭ بولغان كۈنلىرى ئەلگە ساداقەت بولۇش؛ ئۈچىنچى، سارايدا ئۆزىنى تۈز تۇتۇپ يۈرۈش، يارامسىز ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق قىلىش. ئەگەر بۇ ئۈچ ئىشتا كىشى غەپلەتتە قالسا ھەرقانچە بۈيۈك بولغان بىلەنمۇ بېشى كېسىلگەي» دېيىلگەن (1991-31-بابى — «ئۇلۇغ ھاجىپلىققا قانداق كىشى لازىملىقى توغرىسىدا» دا: «خىزمەتچىگە ئۈچ ئىش دۇچ كېلىدۇ، ھەزەر ئەيلىمسە ئۆز بېشىنى يەيدۇ، بىرى، ئاڭلىغان سۆزىنى چىن ساقلىسۇن. ئىككىنچىسى، ناچار ئىش كۆرسە كۆز ئاچمىسۇن، ئۈچىنچىسى، كۈنىنى سۆيۈنچ بىلەن ئۆتكۈزسۇن، ئۆزىنى تۇتۇۋالسۇن» دېيىلگەن ھەمدە: «ئاۋام ئەلگە گۇناھ قىلسا بېشى كېتىدۇ، سۆزدە خاتالاشسا چىشى سۇنىدۇ. نۇرغۇن لايىقسىز كىشىلەرنىڭ ئەلگە جىنايەت قىلىپ بېشى كەتتى. بېشىڭنى ڭالساڭ بەگ سۆزىنى دېمە، ئەلگە جىنايەت قىلىپ بېشىڭنى يېمە» دەپ ئەسكەرتىلگەن (1951-7-باب — «تىلنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرى ۋە پايدىسى بىلەن زىيىنى بايانى» دا: «تىل كىشىنى قەدىرلىك قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن
كىشى بەختىنى تاپىدۇ. تىل ئەرنى خار قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەرنىڭ بېشى كېتىدۇ. شۇڭا سۆزۈڭنى كۆزەتكىن، بېشىڭ كەتمىسۇن، تىلىڭنى كۆزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن «(196). دېيىلگەن. 27-باب — «ئۆگدۈلمىشنىڭ ئېلگە ئەقلىنى سۈرەتلەپ بەرگەنلىكى بايانى»دا: «كىشىلەر ئىشتەك بىلەن ئالىم بولىدۇ، تولا سۆز قىلىشتىن ئەرلەرنىڭ بېشى كېتىدۇ» دېيىلگەن (197).
«قۇتادغۇ بىلىك» تە قەيت قىلىنغان جىنايى ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرى جىنايىتى ۋە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارغا بەلگىلەنگەن جازا قىسىدا، قانۇننىڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 26-باب — «ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئېلگ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى بايانى»دا: «بەگلەرنىڭ سۆيۈنچىنى تىلىگەن كىشىلەر بەگلەرنىڭ تىلىگىنى بويىچە ئىشلارنى پۈتۈن قىلىش كېرەك. قۇل ئەگەر بېگى خالىماس ئىشنى قىلسا، زەبۇنلۇق يېسە، گۇناھى ئۆزىگەدۇر» دېيىلگەن (198). 47-باب — «بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى»دا: «بەگلەر گوياكى جەسۇر ئارسلاندۇر، ماختاپ بەرسە يىپەككە ئوخشاش يۇمشايدۇ. ھەقىر كۆرسەڭ ئاچچىقلىنىپ باش كېسىدۇ. تۆمۈرنى تېشىدۇ، شوراپ قان ئىچىدۇ. غەزەپ چاغدا يېقىن بارما، بارساڭ خارلىق يېتىدۇ» دېيىلگەن (199). 38-باب — «خىزمەتچىلەرنىڭ بەگلەر ئۈستىدە قانداق ھەقلىرى بارلىقى ھەققىدە»دە: «خىزمەت قىلغۇچى ئىككى خىلدۇر، بىرى ھۇر، بىرى قۇلدۇر. قۇل ئۆزى ئەركىسىز خىزمەتچىدۇر. ئەگەر ئۇ خىزمەت قىلمىسا بەگدىن تاياق يەيدۇ» دېيىلگەن (200).
دىنىي ئەقىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى — دىننىڭ قائىدە-قانۇنلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارىتىلغان بولۇپ، دائىرىسى ئىنتايىن كەڭدۇر. «قۇتادغۇبىلىك» -
تە قەيت قىلىنغىنى ئۇنىڭ ناھايىتى ئاز ئەمما ئەجەللىك قىسمى بولۇپ، مەزمۇنلىرى — خۇدانىڭ بىرلىكىگە پۈتمەي، ئاللاغا شەك كەلتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا مەبۇت ياساپ تاۋاپ قىلىش، مەيخانىلەرنى كەڭرى سېلىپ ھاراق ئىچىش، زىناخورلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ پاھىشە قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى گۇناھ دەپ تونۇپ، ئېغىرلىرىنى قوراللىق جازالاپ باستۇرۇش، يەڭگىللىرىنى بولسا نەسىھەت بىلەن توسۇپ چەكلەش، بۇ ئارقىلىقمۇ ئوڭشالمىغانلارنى دوزاخنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىپ دەھشەتلىك جازالىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتۇر.
« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ 72-بابى — « مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى » دا: « دىلنى پاك تۇتۇپ، كۈچنى ھەقتىن تىلەپ، ياۋنى لاۋۇلەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ يانجىش كېرەك » دېيىلگەن (201).
ئۇنىڭدا يەنە مەيخانىلەرنى تامامەن بۇزۇش كېرەكلىكى قانۇنلاشتۇرۇلۇپ: « ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقنى سۈزۈپ دۆلەتنى تۈزگۈلۈك لازىم. ئېھسان قىلىپ دوستلارنى خۇشال ئەيلە، سېنى سۆيمىگەنلەرنى سۈرۈپ ھەيدە. بۇنىڭدا ئاۋۋال ئەل تۈزەتمەك كېرەك، پۈتۈن مەيخانىلەرنى بۇزماق كېرەك. سەن خەلقنى قانۇن بىلەن تولۇق كۆزەت، يارامسىز قىلىقلار ئەلدە يوق بولسۇن » دېيىلگەن (202).
« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ 57 - بابى — « دېھقانلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش بايانى » دا: « باي بولاي، پېقىر بولماي دېسەڭ ھەرگىز زىنا قىلما » دېيىلگەن (203). 71-بابى — « ئۆگدۈلمىشنىڭ ئېلگكە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانى » دا: « ھالال يېگەن كىشى ھەققە گۇناھ ئەيلىمەس. كىمنىڭ گېلى، ئەڭنى ئېرىغ بولسا، ئۇنىڭ گۇناھى قويماي ئېرىيدۇ » دېيىلگەن (204). 76- بابى — « ئودغۇرمىشنىڭ ئاغرىپ قېلىپ، ئۆگدۈلمىشنى چاقىرغانلىقى بايانى » دا:
«ھەممە كىشى ئاز-تولا گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ، جاھاندا گۇناھسىز كىشى كەم بولىدۇ. كىشى ئاغرىسا گۇناھى تۆكۈلىدۇ، گۇناھى تۈگىسە ئول كىشى جازادىن قۇتۇلغاي» دېيىلگەن (205). سۈيىقەست، چېقىمچىلىق قىلىش جىنايىتى ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ 75 - بابى — «توغرىلىقتا توغرىلىق، ئادەمگەرچىلىككە ئادەمگەرچىلىك قىلىش بايانى» دا: «ھەرقانچە غەيۋەت - شىكايەتكە قۇلاق سالمايدىغان ئەرمۇ چېقىمچى ئارىغا كىرسە ئۆزگىرىدۇ. بەگ ھەرقانچە ئەقىللىك، ھوشيار بولغاندىمۇ، چېقىمچى ئۇنىڭغا يېقىن بولسا، ئىشغا چوڭ زىيان يېتىدۇ. كىمكى بىراۋنى ساڭا چاقسا، ھەممە سۆزلىرىنى تولۇق ئاڭلا ئەمما دىلدا ئورۇن بەرمە، كېرەكلىكلىرىنى ئال، كېرەكسىزلىرىنى ناشلا. راست-يالغانلىقىنى تېگى - تەكتىگىچە سوراپ تەكشۈرگىن. تەكشۈرۈشتىن نېمە چىقسا شۇنىڭغا قاراپ ھۆكۈم چىقار. راستلىرىنى قوبۇل قىل، چېقىمچىلىق قىلىپ يالغان ئېيتقانلارنى جازالا» دېيىلگەن (206). 48-بابى — «ساراي ئەھلى بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا» دا: «يىتنىخورغا يېقىن بارما ۋە قوشۇلما، ئۇنىڭ تىلىدىن ئوت-چېقىن چىقىدۇ. جاھان پىتنىسىنى پىتنىچى تېرىيدۇ. ئۇنىڭ بېشىنى كەس» دېيىلگەن (207). 8-باب — «مۇئەللىپنىڭ ئۆز ئۆزرىنى ئېيتقانلىقى بايانى» دا: «ئادەم ئەسكىسى ئەقىل بىلەن ئېسىلغاي، خەلق پىتنىسى بىلىم بىلەن بېسىلغاي. بۇ ئىككى يول بىلەن ئىش پۈتمىسە، بىلىمنى قويۇپ قولۇڭغا قىلچ ئال» دېيىلگەن (208).
ئامانلىق ئىشلىرى جىنايىتى — دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ ھاياتى ھەم مال-مۈلكىنىڭ قوغدىلىشىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغان قىلمىشلار بولۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» تە كۆرسىتىلگەنلىرى قاتىللىق، ئوغرىلىق، قاراقچىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە خىيانەتچىلىك
قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭدا بۇ خىل قىلىشلارنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بېرىلىدىغان جازالارمۇ كۆرسىتىلگەن. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 71-بابى — «ئودغۇرمىشنىڭ ئېلىككە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانى» دا: «خەلقنىڭ خۇي-پەيلى ئۆزگىرىپ بۇزۇلسا، ئۇنى تەكشۈرۈپ قاتتىق تۇتۇپ تۈزەت. قىلىچ، تاياق، قامچىلار بەگدە بولىدۇ، جازا يامانلارغىلا بېرىلىدۇ. يامانلار تاكى يامانلىقىنى قويمىغۇچە جازانى كېمەيتمە. ھامان قامچا ئۇر. ئەگەر يامانلار تاياق يەپ تۇرۇبۇ تۈزەلمەس بولسا، ئۇلاردىن مۇمكىنقەدەر ساقلانغىن» دېيىلگەن (20۹). 72-بابى — «مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» دا: «ئەل ئىشلىرىنى تۈزەپ ۋە سۈزۈپ تۇر، ئەتە ئەل بىلەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرسەن. ياماننى يامانغا يورۇت، يامانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىڭدىن ئېرىت» دېيىلگەن (210). 36-بابى — «باش ئاشپەزنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدا» دا: ئوغرى، خىيانەتچىلەر ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر خاننىڭ ئاش باشچىسى ئەگرى بولسا، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشچىسى ئەگرى بولىدۇ. بىر توپ ئاش ئوغرىلىرى يىغىلسا، بەگنىڭ داستىخىنى قاچانمۇ ئۆزىنىڭ بولىدۇ؟ ئەگەر خىيانەت قەيەرگە ئاياغ باسسا، پايدىلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى يىراق قاچىدۇ، ئەگەر خىيانەتچى نەگىلا قول سۇنسا، دېڭىزنىڭ سۈيىمۇ، يەرمۇ ئوخشاشلا قۇرۇپ كېتىدۇ» دېيىلگەن (211). يەنە 72-باب — «مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» دا: «پۈتۈن يوللارنى ئەمىن قىل، قاراقچى بىلەن ئوغرىلارنى يوقاتقىن. شەھەر-كەنت ئىچىدىن ئوغرىنى ئېرىت، كارۋان، مۇساپىرلارنى ئەمىن يورۇت. ئەل ئىچىدە زوراۋاننى يوقات، يۇرت تېشىدا قاراقچىنى تۈگەت. يامانغا پەقەت يامانلىق يارىشىدۇ. شۇڭا ياماننىڭ خۇلقىنى جازا بىلەن تۈزەت، يامانغا زەنجىر ياكى زىندان
كېرەك» دېيىلگەن (212).
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان جىنايى ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ جىنايەتنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا يەنە ھەققەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، جىنايەتنى توغرا بېكىتىش، گۇناھلىق بولسا جازالاش، گۇناھسىز كىشىنى گۇناھلىق دەپ خاتا جازالاپ قويماسلىق، روھىي كېسەللەردىن ئادم ئۆلتۈرگەن بولسا جازالىماسلىق، تاياقلاشتا ئېغىر، ئېھسان قىلىشتا كەڭ بولۇش، خىزمەتچىلەرنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش قاتارلىق بەزى پرىنسىپاللىق مەسىلىلەرمۇ نىزاملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ 15-بابى — «ئايتولدى ئۆزىنىڭ بەخت-سائادەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بايانى» دا: «خادىملار ئىشنى خاتا قىلسا چاقىرتماق ۋە نېمىشقا يېڭىلىگەنلىكىنى سورىماق كېرەك. گۇناھى-بار بولسا تۇتۇپ قىينىسۇن، يوق بولغان بولسا دىلنى ئاۋۋتماسلىق كېرەك» دېيىلگەن (214). 44-باب — «ئودغۇرمىشنىڭ ئېلگكە خەت يېزىپ ئەۋەتكەنلىكى بايانى» دا: «ئەلچى سۆزدىن يانمسا، ئامانەت سۆزنى چىن، تولۇق سۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئەيىب يوق. ئەلچى راست گەپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم ياكى قىيناش بۇيرۇلماس، ئاڭلىغان سۆزنى چىن يەتكۈزگەن ئەلچى ئۆلتۈرۈلمەس» دېيىلگەن (215). 10-باب — «بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ پەزىلەت ۋە پايدىلىرى» دا: «ئەگەر تەلۋە بىر ئەرنى راست ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم يوق، قىساس ئېلىنماس. نېمىشقا دېيىلسە، چۈنكى، ئۇ ئەقىلسىزدۇر، ئەقىلسىز ئادەم مۇكاپات ۋە جازاسىز بولىدۇ» دېيىلگەن (216). ئۇنىڭدىن باشقا 71-باب — «ئودغۇرمىشنىڭ ئېلگكە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانى» دا: «ئېھسان قىلىدىغان چاغدا تولا ئالدىرا، تاياقلاشتا، جازا بېرىشتە ئېغىر بول» دېيىلگەن بولسا، 41-باب — «ئودغۇرمىشنىڭ ئوگدۇلمىش بىلەن مۇنازىرە قىلغانلىقى بايانى» دا: «دېدەك، قۇل خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇنى كەچۈرۈپ
ساۋاپ ئال» دېيىلگەن (216).
جىنايى ئىشلارغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ئاخىرىدا جىنايى ئىشلارنى باشقۇرۇپ ئۇنىڭغا تېگىشلىك جازا قوللىنىدىغان ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق، ۋەزىپىلىرى شۇنداقلا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى نىزاملاشتۇرۇلغان، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 71-بابى — «ئودغۇرمىشنىڭ ئېلگكە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانى» دا، «قازى» (سونچى)لارنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «قازى ناھايىتى پاك، ئېرىغ، خەلققە پايدىلىق، تەقۋا بولسۇن» دېيىلسە، 72-باب — «مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» دا: «مۇختەسسىپ» (تەپتىش ئەمەلدارى) نىڭ ھوقۇق، ۋەزىپىلىرى كۆرسىتىلىپ: «ئەلدە مۇختەسسىپلەر كۈچلۈك بولغاي، ئۇلار مەسچىتنى جامائەت بىلەن تولدۇرۇپ، بىكارچىلار بىلەن پاسىقلارنى قىسىپ تۇتسۇن، ئۇلار يەنە جامائەت كېزىپ يامانلارنى يىغىۋۇن، سودىگەرلەرنىڭ ئامانەتلىرىنى كۆزەتسۇن، ھۈنەرۋەنلەر شاگىرتلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشسۇن، دېھقانلار تېرىلغۇغا ئەجرىنى قىلسۇن، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى كۆپەيتسۇن» دېيىلگەن (217).
سەككىزىنچى، خەلق دەۋا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇندا، ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى قانۇنىي مۇناسىۋەتنىڭ سۇبيېكتلىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمرانلار بىلەن ھۆكۈمرانلارغا خىزمەت قىلغۇچى خادىملار بولۇپ، ئۇنى كەڭ مەنىدىكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇن ۋە تار مەنىدىكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت
قانۇن-يوسۇن دەپ ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن. كەڭ مەنىدىكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇن — ھۆكۈمدارنىڭ پۇقرالار ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمدار ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى نىزاملاشتۇرۇپ، كىمنىڭ كىدە قانداق ھەقلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى قانداق ئادا قىلىش مەسئىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان بەلگىلىمىدۇر. ئۇنىڭدا پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمدارلارغا بولغان ياللانما بېقىنىدىچىلىقى «خىزمەت قىلىش»، ھۆكۈمدارلارنىڭ خىزمەتچىلەر ۋە پۇقرالارنى تاللاپ ئىشقا سېلىشى «مۇناسىۋەتتە بولۇش»، «مۇئامىلىدە بولۇش» دەپ قارالغان ھەمدە ھۆكۈمدارلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ساتۇچى بىلەن ئالۋچىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىلىپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر-بىرىگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 72-بابى — «مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» دا، بەگ «سېنىڭدە پۇقرانىڭ ھەققى ئۈچ ئېرۇر. ئۇنىڭغا سەن ھەرگىز كۈچ ئىشلەتمە، بۇ ھەقنى ئۆتە، بىرى، ئۆز ئىلكىڭدە كۈمۈشنى پاك ئەت، ئالتۇن، كۈمۈش پۇللارنىڭ ساپلىقىنى كۆزەت. يەنە بىرى، خەلقىڭگە توغرا قانۇن تۈزۈپ بەر، بىرى - بىرىنى ئەزمەكنى ئەلدىن كۆتۈر. ئۈچىنچى، پۈتۈن يوللارنى ئەمىن قىل، قاراقچى بىلەن ئوغرىلارنى يوقاتقىن. شۇ چاغدا ئۆزۈڭنىڭ ھەقلىرىنى ئۆتىگەن بولسەن، خەلقنىڭ بۇ ھەقلىرىنى ئۆتەپ بولۇپ ئاندىن كېيىن ئۆزۈڭمۇ ھەققىڭنى تىلە. پۇقرالار ئۈزە سېنىڭمۇ ئۈچ ھەققىڭ بار. بىرى، يارلىقىڭنى ئەزىز تۇتسا، نېمە بولسا ئۇنى تېزدىن قىلسا، ئىككىنچى، خەزىنە ھەققىنى توسمىسا، ھەقنى دەل چاغدا تاپشۇرسا، ئۈچىنچى، يېغىغا يېغى بولسا، سېنى سۆيگۈچىنى سۆيسە، بۇ چاغدا ئۇلارمۇ
ئۆزلىرىنىڭ ھەققىنى ئۆتىگەن بولىدۇ» دېيىلگەن (218). بۇ قانۇن ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان فېئوداللىق دەۋرنىڭ قانۇنلىرى ئىچىدە ھېچقايسىغا ئوخشىتىپ بولمايدىغان باشقىچىرەك ئۆزگىچە بىرخىل قانۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز ئاھالىسىگە نىسبەتەن پۇلنىڭ تۇراقلىقلىقىنى، يەنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى تۈپەيلىدىن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ياخشى قانۇن-نىزام ئورنىتىپ، ئۇنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزۈش، زومگەرلىك ۋە قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىش؛ دۆلەت ئىچىدە ئادەمنى ئادەم ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى يوق قىلىش؛ مەملىكەت ئىچىدە ئامانلىق ئىشلىرى توغرىسىدا تەرتىپ-ئىنتىزام ئورنىتىپ، ھەرخىل جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلەرنى يوق قىلىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم، ھۇزۇر ۋە ئىشەنچ ئىچىدە ياشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بارلىقى، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمدارغا نىسبەتەن، ئەمىر-پەرمانلىرىغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىش، خەزىنە ھەققى بولغان باجنى ياكى دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باشقا شېلىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇش، ھۆكۈمدارنىڭ دوستىنى دوست، دۈشمىنىنى دۈشمەن دەپ بىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
تار مەنىدىكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن - يوسۇن — ھۆكۈمدارلارغا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى خادىملار ۋە ھۆكۈمرانلارغا تەۋە بولغۇچى ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىش تاپشۇرغۇچى ئىش ئىگىلىرىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش ھەققى ۋە ئېسانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى سەل كەڭرەكتۇر. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 72-بابى — مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» دا، خاندىن ھەق تەلەپ قىلىدىغان «خىزمەت-
چىلەر بۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، سېنىڭدىن يۈز-ئابروي تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ تىلەكلىرىنى قاندۇرۇپ قوي. يەنە بىرى، سەندىن تاۋار-مال تىلەيدۇ، تاۋار بەر، ئۇلار جانلىرىنى ساڭا پىدا ئەيلىسۇن، يەنە بىرى، ھەم مال، ھەم شان-شەرەپ ئىزدەپ، سېنىڭدىن ئات، تون ۋە نام-ئۇنۋان تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بولسا بىر جەسۇردۇر، ئۇنىڭغا كۈمۈش بەر، قىلىچ ئۇرسۇن، ساڭا كەنت-شەھەرلەردىن ئېلىپ بەرسۇن» دېيىلگەن (219). 75-باب — « توغرىلىققا توغرىلىق، ئادەمگەرچىلىككە ئادەمگەرچىلىك قىلىش بايانى» دا مۇنداق دېيىلگەن: « ئېلگ سەن مۇنداق ئۈچ خىل كىشىنى ئەزىزلە: بىۋى قەھرىمان، قۇرچ يۈرەكلىك ئەرەن، ئۇ قىلىچ بىلەن ئەلگە تۈمەنلەپ نەپ بېرىدۇ. ئىككىنچى، ھېكىم، ئالىم، ئېلىچى كىشى، ئۇ ئەل ئىشىنى تۈزەيدۇ. ئۈچىنچى، زېرەك ئۇستا. كاتىپ، ئۇ كىرىم-چىقىمنى بىلسە خەزىنە تولىدۇ. بۇلارنى خىللاپ ھامان پەرقلىك تۇت، قەدىرلە، نەپئىگە لايىق ئېسان قىل، شۇ چاغدا پۈتۈن ئىشلىرىڭ بارا-بارا تۈزىلىپ ئېلىڭ قۇدرەت تېپىپ، يېرىڭ كېڭەيگەي» (220). « قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 38-بابى — « خىزمەتچىلەرنىڭ بەگلەر ئۈستىدە قانداق ھەقلىرى بارلىقى ھەققىدە» دە مۇنداق دېيىلگەن: « بەگلەر ئۈزە خادىملارنىڭ ھەققى باردۇر، ئىشلەشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاۋۋال يېمەك-ئىچمەك، قورال بەرمەك كېرەك. ئىش قىلماق مۇشەققەتلىك، قاتتىق ئىشتۈر. بەگلەر بۇنى بىلسە، ئىشچىلىرى غەيرەتلىنۇر، خادىملار جان-تەنلىرىنى پىدا ئەيلەپ، بەگلەردىن سۆيۈنچە تىلەپ قۇللۇق قىلۇر. ئىسسىق-سوغۇقتا ئاچ-توق، ياياق ھەم يېلىڭ يۈرۈپ، قىلىچ، پالتا، ئوق يەر، بەزىدە ئالغا، بە زىدە ئارقىغا، بەزىدە سولغا، بەزىدە ئوڭغا يۈرەر، ئۇلار مۇشۇنىڭلىق بىلەن بەگنى ھۇزۇرغا يەتكۈزەر، يېقىنغا قارشى سەپتە قورال بولار، بەگنىڭ ھاياتىنى تىلەپ ئۆلۈمگە
ماڭار، بەگلەرنىڭ سۆيۈنچىنى تىلەپ كۈننى تۈنگە ئۇلاپ شۇ خىلدا ئۆزىنى ئەمگەتۈر. بەگلەر شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا مىھرىبان بولۇپ ئوبدان كۆرگۈلۈك ھەم ھەققىنى بەرگۈلۈكتۈر.» ئۇنىڭدا يەنە: «بەگلەر خىزمەتچىلىرىنى، ياراملىقلىرىنىڭ قانچە، يارامسىزلىرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇشى لازىم. ياراملىقلىرىغا ئېھسانلار تارتىپ، بېجىرگەن ئىشىغا تەڭ ھەق بەرمەك كېرەك» دېيىلگەن (221). 26 - باب — «ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈتتۈغدى ئېلگ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى بايانى»دا: «كىشى ساڭا بەلگىلىك ئەمگەك قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئەمگىكىنى ئۈنتۈما، ئەگەر بىرەرى ساڭا ئەمگەك سىڭدۈرسە، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن تولاراق جاۋاب قىل، كىشىنىڭ قىلغان ئەمگىكىنى بىلمەيدىغان كىشى پۈتۈنلەي ئۆي بولىدۇ، باشقىلار كىشىلىك قىلسا سەنبۇ كىشىلىك قىل ۋە شۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك جاۋاب ئەيلەگىل. ۋاپاغا ۋاپا قىلىش كىشىلىك ھەققىدۇر، شۇڭا كىشىگە ۋاپا قىل» دېيىلگەن (222). «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 64-بابى — «خىزمەتچىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش بايانى»دا: «خىزمەتچىلەرنى ياخشى تۇتقىن، يېمەك-ئىچمەك بەر، ئەگنىنى پۈتۈن قىل، كۈچىگە مۇناسىپ يۈك يۈكلە، ھەددىدىن ئارتۇق ئەمگەك يۈكلىمە. ئۇلارمۇ خۇدانىڭ قۇلىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ھېسابىنى سېنىڭدىن سورايدۇ، سەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلما، ئەگەر قىلساڭ ھەق ساڭا غەزەپ قىلىدۇ» دېيىلگەن (223). 60 - باب — «قول ھۈنەرۋەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش بايانى»دا: «ھۈنەرۋەنلەر ئېشىڭنى قىلسا ئىش ھەققىنى تېز بەر. ئىشىڭنى كەڭرى قىلىپ يېدۈرگىن، ئىچۈرگىن، خەلق ئارا سېنى كىشىلەر ئەيىبلىمىنۇن، ئېتىڭ بۇزۇلمىسۇن» دېيىلگەن. 72-باب — «مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى»دا، يەنە ئالىملارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ھەققىدە: «ئۇلارنى
قەدىرلە، نېمە دېسە قىل، ئاش-ئوزۇق بېرىپ ھەققىنى ئادا قىل. ئۇلار قىسلىپ قالسۇن، ئاسايىشتا ئىلىم ئۆگەتسۇن، بىلىمسىزلەر ئۇلاردىن بىلىم ئۆگەنسۇن» دېيىلگەن. 50 - باب — «پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش بايانى»دا: «ئۇلارنى كۆڭۈل تېگىدىن قاتتىق سۆي، مال بېرىپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال» دېيىلگەن (224). «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ھەق تەلەپ، دەۋا ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇندا، خەلق دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورگان ۋە خادىملارنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئەرز سۇنۇش ۋە سۇنۇلغان ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق سوت تەرتىپى دائىرىسىگە ياتىدىغان قانۇننى مەسىلىلەر نىزام-لاشتۇرۇلغان. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 18-بابى — «ئادالەت سۈپىتىنىڭ قانداقلىقى» دا، خەلق دەۋا ئىشلىرىنى باھايىتى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، «دەۋاغا كەلگەن كىشىلەرنى ساقلانماي، ئىشلىرىنى پىچاقنىڭ بىرەر نەرسىنى كەسكىنىدەك كېسىپ ھەل قىلىپ بېرىش، بىرەر كىم زۇلۇم يەتتى دەپ ئىشكە ئادالەت تىلەپ كەلسە، ئۇنى شېكەردەك لەززەتلەندۈرۈپ ياندۇرۇش، كىشىگە زورلۇق ئىشلىتىپ ئادالەتتىن يىراقلاشقانلارنى ئۇراغۇن ئىچكەندەك قىلىۋېتىش» لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن (225). بۇنىڭدىن مەلۇمكى، «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان خەلق دەۋا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇندا، پۇقرالار زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمدار ئۆزىنىڭ پۇقرالار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، خەلقنىڭ ھەق تەلەپ، ھوقۇق مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا ۋە ياكى مۇشۇ ھوقۇق — مەنپەئەت ئۈستىدە تالاش-تارتىش كېلىپ چىققاندا، بىرەر ھوقۇقلۇق ئورگاندىن
سوت قىلىش ئارقىلىق قانۇنىي جەھەتتىن قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغان بىرخىل دەۋا ھەرىكىتى بولغان ئەرز قىلىش ۋە ئەرز قوبۇل قىلىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر.
توققۇزىنچى، نىكاھ ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن - يوسۇنلار
«قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان نىكاھ ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش، ئۆيلەش مەجبۇرىيەتلىرى، ئاياللارنىڭ ئەرلەر ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى، ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئالدىدىكى ھوقۇقلىرى، ئۆيلىنىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر، شۇنداقلا زىياپەتكە بېرىش ۋە چاقىرىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى نىزاملاشتۇرۇلغان.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 63-بابى — «پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش بايانى»دا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاي كەبى قىز-ئوغۇل تۇغۇلسا، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭلا تەربىيىچى بول. ئېرىغ ياخشىنى ئىنگە قىلىپ ئال، ئوغۇل-قىز پاك ۋە ساغلام بولۇپ ئۆسىدۇ، ئوغۇل-قىزغا بىلىم ۋە ئەدەب ئۆگەت، بۇ ئۇنىڭغا ئىككىلا دۇنيادا نەپ بېرىدۇ. ئوغۇلغا پەزىلەت ئۆگەت، بۇ پەزىلەت ئۇنىڭغا مال يىغىپ بېرىدۇ. ئوغۇلنى بوش قويۇپ بەرمە، ئۇ لاغايلاپ يۈرۈپ بىكارچى بولىدۇ» (226). 21 - بابى — «ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانى»دا: «ئاتىنىڭ ئەمگىكى ئوغلىغا كۆپ سىڭسە، ئوغۇلنىڭ خۇي-پەيلى خوپ بولىدۇ، ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا، ئاتا-ئانىسى بەختلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ چىڭ تۇتۇلماس ئىكەن، ئۇ ئوغۇل زايە بولىدۇ، كىنىڭ ئەركە ئوغۇل-قىزى
بولىدىكەن، ئۇ ئاھ چېكىپ ھەسرەتتە يىغلايدۇ. ئوغلىنى كىچىك چاغدا ياۋا-بەڭباش قىلىپ تەربىيىلىسە، ئوغۇلدا گۇناھ يوق، جاپاسى ئاتىغا بولىدۇ. ئوغۇل-قىزنىڭ خۇي-يەيلى يامان بولسا، بۇلارنى يامان قىلغان ئاتادۇر. ئوغلىنى ئاتىسى ئىلىم ئۆگىتىپ قىسىپ تۇتسا، ئوغۇل-قىزلىرى چوڭايغاندا، سۆيۈنىدۇ. شۇڭا ئانا بولغۇچى ئوغۇلنى قىسىپ تۇت، كېيىن كەلگۈچىلەر ساڭا كۈلمىسۇن. ئوغۇل-قىزغا پەزىلەت، بىلىم ئۆگەت، پەزىلەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ خۇلقى مۇلايىم بولسۇن» دېيىلگەن (227).
63-باب — « پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش بايانى» دا: « قىزىڭ ئۆيدە ئەرسىز ئۇزاق تۇرمىغاي، پۇشايماندا ئاغرىماي ئۆلەرسەن. ئوغۇلنى ئۆيلەندۇر، قىزنى ئەرگە بەر» دېيىلگەن (228).
نىكاھ ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ئەرلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى قىسمىدا ھوقۇق ئەرلەرگە كۆپرەك، ئاياللارغا ئازراق، مەجبۇرىيەت ئاياللارغا كۆپرەك، ئەرلەرگە ئازراق تەدبىق قىلىنغان. « قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 41-بابى — « ئودغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىش بىلەن مۇنازىرە قىلغانلىقى بايانى» دا: « ئەرەن ئۈچۈن ئەۋلادى يوق. دېيىلسە سەتتۇر. خوتۇن ئال، ئۇ ئوغۇل-قىز تۇغسۇن. ئۆزىدىن كېيىن بىرەر ئەۋلاد قالدۇرسا، ئۇنى ئۆلدى دېمەي، تىرىكتۇر دېگىن، ئەركىشى نەسلىسىز ئۆلسە ئۇرۇقى تۈگەيدۇ. جاھاندا ئېتى، ئورنى بوش قالىدۇ» دېيىلگەن. 62-باب — « ئۆيلىنىشنىڭ قانداق بولۇشى بايانى» دا، ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ تۆت خىل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ: « كىم ئۆيلىنەي دېسە تۆت خىلدىن بىرنى ئالىدۇ، بىرى باي خوتۇننى ئالماقنى ئىستەيدۇ، بىرى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكىدۇ، يەنە بىرى ئېسىل مەنسەپلىكنى تىلەيدۇ، يەنە بىرى نەپس، تەقۋادارنى ئىزدەيدۇ. باي خوتۇن
ئۆزىنىڭ مېلىغا سۆيۈنۈپ تىلىنى ئۇزارتىدۇ، ئۇنىڭ رايى سېنى ھەر كويغا سالىدۇ. گۈزەلنى ئالساڭ ئەلنىڭ كۈلكىسى ياغىدۇ، ئۇرۇق-نەسلى بۈيۈكنىڭ سۆزى ھەم تىلى ئۇزۇن بولىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆمرۈڭنى خار ئەتمە » دېيىلگەن ھەمدە يۇقىرىقى بۇ تۆت خىل خوتۇنلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىلى تەقۋادار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ: « ياخشى بىر تەقۋادار چىشى تېپىلسا، ئۇنى غەنيمەت بىلىپ ئال، ئۇنىڭدىن تۆت شەرت ئىپادە بولغاي، خوتۇن تەقۋادار بولسا قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلىدۇ » دېيىلگەن (229).
« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ 65-بابى — « زىياپەتكە بېرىش قائىدە-بوسۇنلىرى » دا، زىياپەت تۈرىنىڭ ئالتە خىل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، نىكاھ توي، ئىككىنچىسى، سۈننەت توي، ئۈچىنچىسى، بۆشۈك توي، تۆتىنچىسى، تەڭ-تۈش، چوڭ-كىچىك، قولداش، ئاداش، يېقىن كىشىلەر ئۆتكۈزگەن خالىس چاي-ئولتۇرۇشلار، بەشىنچىسى، ئۆلگەن كىشىگە ئاتىلىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىر، ئالتىنچىسى، مەرتىۋە ئۆسكەچ بېرىلىدىغان چايدۇر. ئۇنىڭدا ئاداش، قولداش، قاياش، دوستلارنىڭ ئۆتكۈزگەن چايلىرىغا بېرىش، يېقىن قوشنىلىرىنىڭ تەڭرىلىك ئۈچۈن بەرگەن زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، ئەڭ مۇھىمى خاس بېرىلگەن زىياپەتلەرگە بېرىش، ئۇلاردىن تاشقىرى بولغان يېرىم-ياتا، كالتا ئولتۇرۇشلارغا بارماسلىق، مەستلەرنىڭ تۇتۇشۇپ جېدەل چىقىرىشىدىن ساقلىنىش، بىر تويۇم ئاش ياكى ئىچكۈنى دەپ ئۆزىنى خار قىلماسلىق كېرەكلىكى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەن. 66-باب — « زىياپەتكە چاقىرىش قائىدىلىرى » دا، زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئادەمنىڭ تۆت خىل، بارىدىغان جاينىڭمۇ تۆت خىل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئاشقا تەكلىپ قىلىنغان ھامان بارىدىغان، باشقىلارنىڭكىنى
يەيدىغان، ئىچىدىغان، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۆيىگە مېھمان چاقىرمايدىغان ئادەملەر، ئىككىنچى، ئاشقا قىچقارسا بارىدىغان ھەم باشقىلارنىمۇ ئېشىغا قىچقىرىدىغانلار، ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ چېيىغا بارمايدىغان ھەم ئۆزىمۇ كىشىلەرنى چېيىغا چاقىرمايدىغانلار، تۆتىنچى، كىشىلەرنىڭ چېيىغا بارمايدىغان ئەمما داۋاملىق مال سويۇپ باشقىلارغا زىياپەت بېرىدىغانلاردۇر. ئۇنىڭدا، ئۈچىنچى خىلدىكى كىشىلەر تىرىك ئەمەس بەلكى ئۆلۈك كىشىلەر دەپ قارىلىپ، كىشىلەرنىڭ تىرىكلىكتە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. تۆتىنچى خىلدىكى كىشىلەر بولسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى بولسا ئالىم، ھېكىملەر ماختىغان ئىشلار دەپ قارالغان. «زىياپەتكە بېرىش قائىدە-يوسۇنلىرى» دا: « پۈتۈن نەرسىنىڭ تەرتىپ-يوسۇنى بار. ئەركىشى يوسۇنلۇق بولسا يۈزى نۇرلىنىدۇ. ئىنسان يوسۇن بىلسە تۆر بېشى بولىدۇ. قىلىقسىز كىشى قائىدە-يوسۇن ئۇقماس ھەم كىشىگە قوشۇلسا ئىشى تۈزەلمەس. يوسۇنسىز، ئەقىلسىز، قىلىقسىز كىشىنىڭ يوسۇنلۇقنى كۆرسە بېشى گاڭگىرايدۇ» دېيىلگەن ھەم «قايۇ تۈرلۈك ئاشقا بارار ئىكەنسەن، ئاشنى ئەدەپ بىلەن يېگىن» دەپ ئەسكەرتىلگەن (230). ئۇنىڭدا، ئۇلۇغ كىشى تاماققا قول ئۇزارتىشتىن بۇرۇن قول ئۇزارتماسلىق، ئۆز ئالدىدىكىنى يېيىش، باشقىلارنىڭ ئالدىغا قول ئۇزارتماسلىق، پىچاق چىقىرىپ سۆڭەك غاجىماسلىق، چاپقاق بولمامىلىق، تۈزۈتمۇ قىلماسلىق، قىزىق ئاشنى پۈۋدىمەسلىك، يېمەكلىكلەرنى ئۇششاق چايناپ يېيىش، ئاشنى تولا يېمەسلىك، مىجەزىگە ياققاننى يېيىش، ياقمىغاننى يېمەسلىك، ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە سوغۇقلۇق قىلىش، سوغى ئېشىپ كەتسە ئىسسىقلىق قىلىش، ياش ۋاقتىدا سوغۇقلۇقنى كۆپ ئىشلىتىش، قىرىق ياشتىن ئاشقاندا ئىسسىقلىق قىلىپ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرۇش، ئاتمىش
ياشتىن ئاشسا، سوغۇقلۇقنى ئەش تۇتماي، ئىسقلىق قىلىش، قۇرۇق سوغۇقى ئاشسا ھۆل ئىسقلىق قىلىش، ھۆل سوغۇقى ئاشسا ئىسىق قۇرۇقلۇق قىلىش قاتارلىقلار ئەدەب دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە: « تولا يېگۈچىنىڭ ئېشى سىڭمىگەي، ئاش ھەزىم بولمىسا، ھەر يان ئاغرىغاي، ئادەم قىرىق ياشغا كىرىپەۋ مىزاج بىلىسە، كۆپ زامانلار ئۆتسىمۇ ھېكىم بولمىسا، ئۇنى ئادەم دېمەي بىرھايۋان دېسە بولىدۇ » دېيىلگەن (2dd). « زىياپەتكە چاقىرىش قائىدىلىرى » دە: « ئەگەر
كىشىنى قىچقارماق بولساڭ كۈتۈش ئىشلىرىنى باخشى قىلغىن » دېيىلگەن ھەمدە مېھمان ئولتۇرىدىغان جايغا كۆرپە سېلىش، داستىخان تەييارلاش، قاچا-قۇچىلارنى پاكىز يۈيۈش، يېمەك-ئىچمەكنى ئوبدان خىللاش، غىزانى پاكىز ھەم تاتلىق ياساش، مېھمانلار تويۇپ ماڭغۇدەك كەڭتاشا قىلىش، تاماقتىن كېيىن ئىچكۈلۈك تەڭلەش، تۈگسە يەنە قايتا ھازىرلاش، ئاۋۋال چوڭلارغا ئاش تارتىش، ئاندىن كىچەكلەرگە ئاش تارتىش، كېچەكىپ كەلگەنلەرگە ئايرىم داستىخان راسلاش، غىزادىن كېيىن شىرنىلىك يېمىش، قۇرۇق-ھۆل يېمىشلەرنى بېرىش، قايتىدىغان چاغدا قۇربى يەتسە يىپەك رەخت يىرتىپ چىش ھەققى تارتىش قاتارلىقلار زىياپەتكە چاقىرىشنىڭ قائىدىلىرى دەپ ھېسابلانغان.
قىسقىسى، « قۇتادغۇبىلىك » تە قەيت قىلىنغان زىياپەتكە بېرىشنىڭ ۋە زىياپەتكە چاقىرىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىمۇ رەسمىي مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان « تۆرى »، « قانۇن »، « نىزام » مەنىلىرىگە ئوخشاش تەبىرلىنىپ « تۆرۈ » ( Terü ) دېيىلگەن.
كىتابسىزنىڭ بۇ بابىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن « قۇتادغۇبىلىك » كە قىلغان سەپىرىمىزدە، دىققىتىمىزنى ئۆزىگە تارتقىنى شۇكى، « قۇتادغۇبىلىك » تە « تۆرۈ » ( Terü )،
« توقۇ » ( Toku ) دىن باشقا يەنە « قانۇن » ۋە « ئادەت » نى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقان « ئۆڭدى » ( Əngdi ) (232) ۋە « ئۆڭدۈ » ( Əngdü ) (233) كەلىمىلىرى كۆرۈلمەكتە، بۇلار مەنىمى ئوخشاش ئەمما ئېيتىلىشتا پەرقلىك بولغان خاس ئىسملار بولۇپ، بەزىدە « تۆرۈ » بىلەن « ئۆڭدى » بىرلىكتە كېلىدۇ، بەزىدە ئايرىم كېلىدۇ. بەزىدە « تۆرۈ ئۆڭدى » دېيىلسە، بەزىدە « ئۆڭدى تۆرۈ » دېيىلىدۇ. بەزىدە « تۆرۈ » بىلەن « توقۇ » قوشۇلۇپ « تۆرۈسىن توقۇسىن » دېيىلىدۇ. بۇ ئاددىي پەرىزىمىزچە، بىر تەرەپتىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شېئىرىنىڭ قايپىسى ئېھتىياجى ئۈچۈن قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شېئىردىكى پىكىرلەرنى كۈچەيتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۆز سەنئىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما مۇرەككەپرەك تەپەككۇر قىلغاندا، « قانۇن » غا مۇناسىۋەتلىك بولغان شۇنچە كۆپ ۋە ھەر خىللىققا ئىگە ئاتالغۇلارغا ئىنچىكە ئەھمىيەت بەرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندە، قانداقتۇر شېئىرىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، ئۇلارنىڭ كۆپ خىل خاراكتېرلىنىدىغان « قانۇن » لار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈش مەقسىتىدىمۇ قوللانغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. « قۇتادغۇبىلىك » تە قەيت قىلىنغان « تۆرۈ »، « توقۇ » (234) لارنى « تۆرى »، « قانۇن »، « نىزام » ۋە « ئادەت »، « دۈزېن »، « تۆرى » (235) دەپ ئاتىغان. ئەمما ھېچقانداق ئەسكەرتىش بەرمىگەن تۈركىيە ئالىمى رېشت رەھمىتى ئاراتنىڭ نۆۋىتىدە « ئۆڭدى »، « ئۆڭدۈ » لەرگە « قانۇن »، « ئادەت » دەپ مەنا بەرگەندىن كېيىن يەنە « بك » ( Bk ) (236) دەپ ئەسكەرتكىنىدىن قارىماندا، Terü، toku لار قاراخانىلار خاندانلىقى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلار كودىكىسى، Əngdi، Əngdü لەر بولسا
مەركىزىي ھاكىمىيەتكە قاراشلىق يەرلىك بەگلەر ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى بولسا كېرەك.
بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمى ئاستىدىكى « تۆرۈ » نىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە شەكىللىنىپ شۇ ھالغا كەلگەن ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرى ھۆكۈملىرىنىڭ يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ « جىنايەت » ۋە « جازا » مەسىلىلىرىدە جەمئىيەت پسىخىكىسى، جىنايەت پسىخىكىسى ھەم قانۇن لوگىكىسى بىلەن ئورگانىڭ بىرلىشىپ كەتكەن، ئىجتىمائىي ھاياتنى قېلىپقا سالىدىغان قائىدىلەر بولۇپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەمىر-پەرمانلارنى، سوتچىلارنىڭ ھۆكۈملەرنى شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
« قۇتادغۇبىلىك » ئىنچىكە كۆزىتىلسە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئېلىمگە ئالاقىدار بولغان ئىدىيىسى نۇقتىلىق شەرھلەنگەن بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا بىر « سېھرىي » - كۈچنىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ. يەنى ئۇنىڭ مەزمۇنىدا بەزى ئوخشاشلىقلارنىڭ تەكرارلانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنداق ئوخشاشلىق بىلىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئوبيېكتلىرىنىڭ ھەممىسىگە تەڭ تەدبىق قىلىنىدۇ، ھەربىر ئوبيېكتلەردىن تۈزۈلگەن بارلىق قانۇن-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا رىئابە قىلىش لازىملىقى كۆرسىتىلىدۇ. ئوبيېكتى قانچە بولسا بىرخىل مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىشىمۇ شۇنچە بولىدۇ. مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىشى قانچە بولسا، ئۇنىڭ ئوبيېكتىدا مۇجەسسەملىشى شۇنچە بولىدۇ. « قۇتادغۇبىلىك » ئەنە شۇنداق ئالامىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، ئۇنىڭدىكى « تەكرارلىق » لار ھەم ئۇ بايان قىلغان « قانۇن »،
« يوسۇن » لاردا كۆرۈلىدۇ ھەم ئۇنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئەكس ئېتىدۇ.
(1) بۇ ھەقتە « قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 8-ئاي نەشرى) دېگەن كىتابنىڭ 62-بېتىدىكى « ( كۆلىگىن مەڭگۈ تېشى ) غا ئىزاھات » قا قارالسۇن. تەتقىقات ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئەسلى تېكىتنىڭ ترانسپىكرىسى ۋە تەرجىمىسى ئابدۇقەيۇم خوجا قانارلىقلارنىڭگە ئاساسەن بېرىلدى.
(2) يۇقىرىقى كىتاب 93-بەتتىكى « ( بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى ) غا ئىزاھات » قا قارالسۇن. بايدىلانغان تېكىت ۋە تەرجىمىسى ئابدۇقەيۇم خوجا قانارلىقلارنىڭكى ئاساس قىلىندى.
(3) بۇ ھەقتە چېڭ سۇلۇننىڭ « خەنزۇچە ( توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى ) دىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە » گە قارالسۇن. لىن گەن تۈزگەن « تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەر توبلىمى »، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1987-يىل 7-ئاي 1-نەشرى 2-كىتاب 706-، 707-ۋە 708-بەتلەر، خەنزۇچە.
(4) بۇ ھەقتە كەڭ مەلۇمات بېرىلگەن رۇس تۈركۈلۈكى سىڭ. كلياشۇتورىننىڭ « تېرخىن مەڭگۈ تېشى - دەسلەپكى تەتقىقات » سەرلەۋمىلىك ئىلمىي ماقالىسىگە قارالسۇن. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى 1982-يىل 3-سان 109-، 116-بەتلەر، ئۇيغۇرچە. (5) « ئوغۇزنامە »، ( قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي دائىتانى) مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە 1980-يىل 11-ئاي 1-نەشرى، 37-بەت.
(6) « قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » نىڭ 152-بېتىدىكى « ( ئالتۇن يارۇق ) ھەققىدە ئىزاھات » قا قارالسۇن.
(7) يۇقىرىقى كىتاب 181-بەت. « (ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى) ھەققىدە ئىزاھات» قا قارالسۇن. (8) يۇقىرىقى كىتاب 230-بەت. « (مائىترى سىمىت) ھەققىدە ئىزاھات» قا قارالسۇن.
(9) يۇقىرىقى كىتاب، 271-بەت. « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى (شۇنچۇكنىڭ تەرجىمىھالى) ھەققىدە ئىزاھات» قا قارالسۇن.
(10) بۇ ھەققە يۇقىرىقى كىتاب 351-بەتتىكى « (ئىتتىمائىي ۋە ئىتتىمادىي مۈجىمەتلەر) ھەققىدە ئىزاھات» نا ھەم 352-بەتتىكى
« ئەسلى تېكىتى» ۋە 353-بەتتىكى « تەرجىمىسى» گە قارالسۇن.
(11) بۇ ھەققە « شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىنىڭ 30 يىلى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى 6-ئاي خەنزۇچە نەشرى) دېگەن كىتابنىڭ 359-يېتىدىكى گېڭ شىمىن ئەبەندىنىڭ « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مانى ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان ھۈججەتلەر توغرىسىدا ئىزاھ» دېگەن ماقالىسىگە قارالسۇن. ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇ ئەسەرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن نەقىل كەلتۈرۈلگەن تېكىت ۋە ئۇنىڭ نەرجىمىسى گېڭ شىمىننىڭ شۇ ماقالىسىدە بەرگەن پۈتۈن تېكىتنىڭ ترانسپىكرىيىسى ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئىشلەندى — ئاپتور.
(12) مانى دىنىدا بەلسەپىۋى ئاتالغۇ، ئىلاھى ئېلىم-بېرىم مەنىسىدە، ئىسلام دىنىدىكى «ۋەخپە» گە باراۋەر كېلىدۇ — ئاپتور.
(13) سولىمى — مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان لۇغەتت تۇرك» تە تىلغا ئالغان بەش ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر «بۇەن سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 124-جىلدىمۇ تىلغا ئېلىنغان، بۇ ھازىرقى قارا شەھەر ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ — ئاپتور.
(14) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشرى.
(15) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: « قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىل 5-ئاي 1-قېتىملىق نەشرىگە قارالسۇن.
(16) «ئەلشىر ناۋائى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە كەلتۈرۈلگەن نەقلگە قارالسۇن.
(17) بۇ مەسئەۋىنى تەرجىمە قىلىشتا مەھمۇد قەشقەربىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى «oltuz» سۆزىنى «ئۈچ دېگەن مەنىدە ئىشلىتىشمۇ بار، مەن ئۇنى kunut دە ياغمىلاردىن ئاڭلىدىم. ئۇلار ئۈچ قېتىم ئىچەيلى دېيىشنىڭ ئورنىغا (ئويتۇز ئىچەلىم) دەيدۇ» (اتوم 192-بەت) دېگەن مەلۇماتىغا ئاساسلاندىم - ئاپتور.
(18) مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر: «تارىخىي رەشىدى»، خەنزۇچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 6-ئاي 1-نەشرى II توم 223-بەت.
(19) مىلادىدىن بۇرۇنقى 1792-يىلدىن 1750-يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قەدىمكى بابىل پادىشاھلىقنىڭ 6-ئەۋلاد پادىشاھى، (مىسوپوتامىيە) دىكى تۇنجى مەركىزىي ھوقۇقدارلىق تۈزۈمىدىكى قۇلدارلىق دۆلىتىگە ئاساس سالغۇچى - ئاپتور.
(20) جۇڭگو تارىخىدىكى جىڭ بەگلىكىنىڭ ئاقسۇڭنىكى سىمازىڭنىڭ ئوغلى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 543-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 522-يىلغىچە جىڭ بەگلىكىدە ھاكىمىيەت باشقۇرغان. بۇ چاغدا ئۇ جازا قانۇنىنى داڭقان ئۈستىگە ئويدۇرغان - ئاپتور.
(21) سەي خۇڭشىن: «تۈرك قانۇنى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» تە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. تارىخ تەتقىقاتى ژۇرنىلى 1965-يىل 5-سان، 97-بەت، خەنزۇچە.
(22) چىڭ زۇڭجىن: «تۈرك يېزىقى ۋە ھۈججەتلىرى» دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. لىن گەن تۈزگەن «تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمىي ماقاللەر توپلىسى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1987-يىل 7-ئاي 1-نەشرى 876-بەت، خەنزۇچە.
(23) جۇ ليەنكۇەن: «دىڭلىڭلارنىڭ ئىرقى، تىلى ۋە قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى قەبىللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» دە كەلتۈرۈلگەن
نەقىل. يۇقىرىقى كىتاب 66-بەت، خەنزۇچە. (24) شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى، 1980-يىل 3-سان ئۇيغۇرچە 53-بەت. «پادىشاھلىق تۈزۈمى» گە قارالسۇن. (25) سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارىمىقىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تۈزگەن، 1968-يىل نەشرى، 581-بەت. (26) كلاۋسۇن: «مەركىزىي تۈركىي تىلىنىڭ ئېتىۋلوگىيىلىك لۇغىتى». ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1972-يىل نەشرى. (27) «ناۋانى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى». ئۆزبېكىستان سى سى ر پەن نەشرىياتى، تاشكەنت 1984-يىل نەشرى، 269-ۋە 270-بەتلەر. (28) مىرزا مەھمۇد ھەيدەر: «تارىخىي رەشىدى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 6-ئاي 1-نەشرى خەنزۇچە 1-توم، 176-بەتتىكى ① ئىزاھاتقا قارالسۇن. (29) مىرزا مەھمۇد ھەيدەر: «تارىخىي رەشىدى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 6-ئاي 1-نەشرى خەنزۇچە، 1-توم 176-بەتتىكى ① ئىزاھاتقا قارالسۇن. (30) «چەت ئەل ئالىملىرى - (قۇتادغۇبىلىك) توغرىسىدا»، شى ئۇ ئار ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈزگەن. 137-، 138-بەتلەر. (31) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، III توم، 305-بەت. (31) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى، III توم، 358-بەت. (33) يۇقىرىقى كىتاب، II توم، 442-بەت. (34) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى، II توم 461-بەت. (35) «قۇتادغۇبىلىك». مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل
1-نەشرى، 15-بېيت. (62) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 692، 882، 883، 3192، 4743، 5413-بېيتلار. (63) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 15، 6397، 6416-بېيت. (64) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 1242-بېيت. (65) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 5-بېيت. (66) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 13، 14، 21، 378، 1152، 1257، 1258-بېيتلار. (67) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 3، 4، 19، 125، 127، 148، 382، 1022، 1024، 1097، 1044، 1347، 1922، 2227، 3191، 3404، 3404، 3662، 3763، 3718، 3719، 3724، 3727، 3744، 3791، 4854-بېيتلار. (68) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 3332-بېيت. (69) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 1346، 1682، 1821-بېيتلار. (70) « قۇتادغۇبىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 4459-بېيت. (71) « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغتى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988-يىل 12-ئاي، 1-نەشرى، 163-بەت. (72) سەي خۇڭشىن: « سۈينامە (سەمەرقەند تەزكىرىسى) ھەققىدە قىسقىچە مۇلاجىزە » گە قارالسۇن. تارىخ مەجبۇئەسى 26-توپلام 103-بەت، خەنزۇچە.
(73) ئا.بۇداگوۋ: «تۈرك — تاتار تىلىغا دائىر لۇغەت قوللانما»، پېتربورگ 1869-يىل نەشرى، 1 390-بەت. (74) «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغىتى»، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 178-، 179-بەتلەر. (75) «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى، 4009، 4010-بېيىتلار. (76) «قۇتادغۇبىلىك»، 1931-بېيىت. (77) سەي خۇڭشىن: «تۈرك قانۇنى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش». «تارىخ تەتقىقاتى ژۇرنىلى»، 1965-يىل 5-سان، 97-بەت. خەنزۇچە. (78) «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل نەشرى، 834، 950، 964-بەت. 47، 65، 66-ۋە 72-بابلارغا قارالسۇن. (79) «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل نەشرى، 4010، 4013، 4014، 4002، 4003، 4004، 4021، 4017، 4019، 4018، 4026، 4029، 4030، 4030-بېيىتلارغا قارالسۇن. (80) «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل نەشرى، 4082، 4070، 4290، 4298، 4299، 4309، 4588، 4595، 4605، 4606، 4752-بېيىتلارغا قارالسۇن. (81) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، III توم 187-بەت. (82) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» III توم 443-بەت. (83) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، III توم 458-بەت. (84) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، II توم 337-بەت.
(208) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5863، 5864، 5873، 5874، 5876، 5872 ۋە 5877-بېيىتلارغا قارالسۇن. (209) « قۇتادغۇبىلىك » ، 4212، 4213-بېيىتلارغا قارالسۇن. (210) « قۇتادغۇبىلىك » ، 221، 222-بېيىتلارغا قارالسۇن. (211) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5198، 5279، 56280، 5281-بېيىتلارغا قارالسۇن. (212) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5504، 5505-بېيىتلارغا قارالسۇن. (213) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2860، 2861، 2865، 2866-بېيىتقا قارالسۇن. (214) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5577، 5546، 5547، 5548 ۋە 5549-بېيىتلارغا قارالسۇن. (215) « قۇتادغۇبىلىك » ، 641، 642-بېيىتلارغا قارالسۇن. (216) « قۇتادغۇبىلىك » ، 3815، 3816، 3817، 3818، 3819-بېيىتلارغا قارالسۇن. (217) « قۇتادغۇبىلىك » ، 295، 296-بېيىتلارغا قارالسۇن. (218) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5218، 3435-بېيىتلارغا قارالسۇن. (219) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5555، 5556، 5588، 5589، 5589-بېيىتلارغا قارالسۇن. (220) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5574-5583-گىچە قارالسۇن. (221) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5515-5519-گىچە قارالسۇن. (222) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5910، 5911، 5912، 5913، 5914، 5915-بېيىتلارغا قارالسۇن. (223) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2957-2965-گىچە قارالسۇن. (224) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2973، 2974-بېيىتلارغا قارالسۇن. (225) « قۇتادغۇبىلىك » ، 1595، 1597، 1598، 1690، 1691-بېيىتلارغا قارالسۇن. (226) « قۇتادغۇبىلىك » ، 4527، 4528، 4529، 4530-بېيىتلارغا قارالسۇن.
(227) « قۇتادغۇبىلك »، 4471، 4462، 4463، 4497، 4398، 4399، 4360، 4342، 4348، 4349، 4350، 3553، 5554، 4338-بېيىتلارغا قارالسۇن، (228) « قۇتادغۇبىلك »، 2493، 2498، 2473، 811، 812، 813، 814-بېيىتلارغا قارالسۇن، (229) « قۇتادغۇبىلك »، 4504، 4505، 4506، 4507، 4508، 4509-بېيىتلارغا قارالسۇن، (230) « قۇتادغۇبىلك »، 1218، 1219، 1220، 1223، 1224، 1225، 1226، 1227، 1228-بېيىتلارغا قارالسۇن، (231) « قۇتادغۇبىلك »، 4510، 4507-بېيىتلارغا قارالسۇن، (232) « قۇتادغۇبىلك »، 4486، 4487، 4488، 4489، 4490، 4491، 4492، 4493، 4494، 4495، 4496، 4497، 4498، 4501-بېيىتلارغا قارالسۇن، (233) « قۇتادغۇبىلك »، 4517، 4518، 4513، 4514، 4520، 1303، 1304-بېيىتلارغا قارالسۇن، (234) « قۇتادغۇبىلك »، 4605، 4604، 4606، 4594، 4595، 4594، 1614، 1637، 4640-بېيىتلارغا، 1456، 1449، 1460، 1547، 1931، 2111، 2179، 2419، 2400، 3077، 4016، 4018، 4605، 5737، 5735، 6588، 6593، 6594، 6595، 4309، 1547، 3049، 4720، 4720، 5765، 6344، 6492-بېيىتلارغا قارالسۇن، (235) (236) رېشت رەھمىتى ئارات: « قۇتادغۇبىلك »، ئىندىكىسى، ئىستانبول 1979-يىل نەشرى، تۈركىيە، 362-، 458-، 462-بەت،
ئۈچىنچى باب: ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام جامائەت قانۇنى تەلىماتىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپقا كۆرسەتكەن تەسىرى
«قۇتادغۇبىلىك» ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ياشىغان دەۋردىكى ئىسلام دۇنياسى ۋە ئۇنىڭ قانۇنچىلىق ئەھۋالاتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلام دىنى ۷ II ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلدى. ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك بىر ئىسلاھات بولۇپ، ئۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا سىياسىي جەھەتتە نىسپىي تۇراقلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن سىياسىي ۋەزىيەت يارىتىپ كونا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئىللەتلىرىنى يوقاتتى، جاھىليەت دەۋرىنىڭ ئەخلاق قائىدىلىرىگە كۈچلۈك خاتىمە بەردى. دىن، قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ يېڭىچە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، بۇنداق ئۆزگىرىش بۇرۇنقى قەبىلىۋازلىق ئادەت كۈچلىرىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى. قىسقىسى، بۇ ئىسلاھات تامامى ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنى فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى راۋاج تاپقان ئىسلام يېڭى ئىجتىمائىي كاتېگورىيىسىگە جەملىدى. ئۇ، گەرچە
شۇنچىۋالا ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما، «شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان، ئامىلغا ئايلىنالمىدى. ئەكسىچە، فېئودال كۈچلەر پايدىلىنىدىغان نەزەرىيىۋى قورالغا ئايلىنىپ، ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى قوغدايدىغان مەنىۋى ئاساسقا ئايلاندى… خەلىپە، ئىمام ۋە ئەمرلەر مەزھىپىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي قارا نىيىتى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى پەردازلىدى. ئۆزلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە سودىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بايلىق مەنبەلىرىنى تىزگىنلەش يولىدا ئېلىپ بارغان قانلىق ئۇرۇشلىرىنى ئاقلىدى.» (1)
ئىسلامنىڭ دەسلىپىدە مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت نەپەر خەلىپىنىڭ ئادىل، دىيانەتلىك ئىستىلى قانۇن تۈزۈشنىڭ پرىنسىپى قىلىنغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قانۇننىڭ ھەممىگە تەڭ تەدبىق قىلىنىشى ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان مىزانغا ئايلانغانىدى. كېيىنكى دەۋرگە كەلگەندە بۇ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىنمىدىلا ئەمەس، بەلكى سۈپەت جەھەتتە تۈپلۈك يامان ئۆزگىرىش ياسىدى. بۇ ھەقتە يەمەن تارىخچىسى سۇلتان ئەخمەد ئۆمەرنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشلا كۇپايە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلىپە ئەبۇبەكرى، ئۆمەر شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ھوقۇقلىرىنى ئىسلام ئېتىقادىدىكى ۋەھىيلەرگە ئاساسەن يۈرگۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ باي ياكى كەمبەغەل، قۇلدار ياكى قۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە كىشىنىڭ قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر بولۇشى لازىملىقى ھەققىدىكى پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلاتتى. ئىسلامنىڭ دەسلىپىدە بۇ ھاكىملار ئۆز نەپىگە چوغ تارتىدىغان نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئاچكۆزلۈكنى
ئۆزىگە زادىلا يېقىن كەلتۈرمىگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. ئەمما خەلىپە ئوسمان دەۋرىدىن باشلاپ، شۇنىڭدەك كېيىنكى موئاۋىيە دەۋرى ھەم ئۆممۈۋىلەر بىلەن ئابباسىيلار قاتارلىق ئىككى خاندانلىقتىكى خەلىپىلەر دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل روھ تەدرىجى ھالدا ئاجزلاپ يوقىلىشقا باشلىدى. خەلىپىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ۋە يېقىن كىشىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ قابىلىيەتلىك ياكى قابىلىيەتسىزلىكى، پاك دىيانەتلىك ياكى ئەمەسلىكى بىلەن قىلىچە ھېسابلاشمىدى، ئالۋان - ياساق، باج-سېلىقلارنى ئاۋۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەزدى.» (2)
ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۆز زامانىسىدىلا يېڭىدىن بىرلىككە كېلىپ ئەمدىلا گۈللىنىۋاتقان ئەرەب دۇنياسىدىكى « جاھىلىيەت دەۋرى » دىن پەرقلىق ھالدا مەيدانغا كېلىۋاتقان، ئادالەتنى تەكىتلەيدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بەرپا قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئەبەدىي بولالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كەينى-كەينىدىن يەڭگۈشلىنىدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ ئاينىپ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇزۇلۇشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەنىدى. شۇڭلاشقا ئۇ: « ئەڭ ياخشى كىشىلەر مېنىڭ دەۋرىمدە ياشىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كىشىلەردۇر. سىلىلەردىن كېيىن شۇنداق بىر خەلق كېلىدۇكى، ئۇلار خىيانەتكار، ئىشەنچسىز، ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئەمما گۇۋاھلىققا تارتىلمايدىغان، ئاللاغا قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئادەملەردۇر. ئۇلار دۇنياغا تولىمۇ ھېرىس ۋە
راھەتپەرەس كېلىدۇ» دېگەنىدى (3). ئىسلام تارىخىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەد پەيغەمبەردىن كېيىن 4-ئورۇن باسار خەلىپە ئەلىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلىپىلىك ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان نەسەپ تۈزۈمى بويىچە ئەمەس بەلكى سايلام تۈزۈمى بويىچە داۋاملاشقان بولۇپ، موئاۋىيىدىن كېيىنلا ئۇ، مىراس تۈزۈمگە ئايلاندى. بۇ دەۋرلەردە ئالدىنقىلار تەرىپىدىن مىراس بولۇپ قېپقالغان خەلىپىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كېسىلى قايتىدىن قوزغىلىپ كۆرمىش يېڭىباشتىن ئەۋجىگە چىقتى. دېمىسۇ «ئىسلام دىنىدا خەلىپىلىكتى تالىشىش مەسىلىسىدىنمۇ بەك ئېغىر قان تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەھەللە يوق» بولۇپ، «ھاربىر خەلىپە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىرىنچى خىزمىتى قىلىپ ئۆز ئاتا - بوۋىلىرىغا سادىقلىق بىلەن ئىشلىگەنلەرنى ۋە باشقا ۋىجدانلىق كىشىلەرنى، ئوقۇمۇشلۇق زانلارنى ئۆلتۈرۈش، ئاندىن ئۆزىنىڭ يېقىن-يىراق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدىكى ئۆزىگە رەقىب بولغان ۋە بولۇش ئېھتىيالى بولغانلارنى جەھەننەمگە ئۆزىتىش» (5) بىلەن مەشغۇل بولدى.
ئۆمبۈۋىلەر خاندانلىقى دەۋرى (مىلادى 661 — 750) دە، ئوسمان، ئەلى، تۆلەيھە ۋە زۇبەيرە قاتارلىق مەشھۇر زاتلار ئارقا-ئارقىدىن شېھىت قىلىندى. بۇ رېئاللىق كىشىلەرنى قاتتىق ئويغا سالغان بولۇپ، ھەممىلا جاي ئىسلامىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان مۇنازىرە مەيدانىغا ئايلاندى، خەلىپە ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟ ئەلى ئوسماننى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغۇچىمۇ ئەمەسمۇ؟ تۆلەيھە، زۇفەر، ئائىشە قاتارلىقلار ئەلى بىلەن ئۇرۇش قىلسا بولامتى ياكى بولمامتى؟ ئەلنىڭ «قۇرئان» ھۆكمى بىلەن ئۇرۇش ئەنزارچىلىقىنى ھەل قىلغانلىقى توغرىمۇ-خاتامۇ؟… دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر دائىم بولىدىغان
مۇنازىرىنىڭ تۈگۈنى ئىدى. ئەرەب تارىخىسى ئىن سائادنىڭ «ئات-تاباگات ئەل-كۇبرا» (مەشھۇر زاتلار ھەققىدە يېزىلغان خاتىرىلەر) دېگەن كىتابىنىڭ 7-توم 118 — 119-بەتلىرىدە نەپىت قىلىنىشىچە، بەسىرە تازىسى ھەسەن بەسىرە ئىلىم مۇئائىلە قىلىۋاتقىنىدا كىشىلەر دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭدىن ئۇرغۇن سەسىلىلەرنى سورىغان. بەزىسى ھەججاجغا (6) قانداق قارايسىز؟ ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قان تۆكسە، بۇلاڭچىلىق فىلما، يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇمسا… دەپ سورىسا، بەزىلەر، سىز ئۇرۇشقا قانداق قارايسىز؟ دەپ سورىغان. يەنە بەزىلەرى، يېزىد مۇخاللاپ بىلەن ئېن ئەنتاس قاتارلىقلارغا قانداق قارايسىز؟ دەپ سورىغان. ھەسەن بەسىرە: ئۇلارغىمۇ ئەگەشمەيمەن، بۇلارغىمۇ بولۇشمايمەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. سۈرىيىلىك بىر ئادەم ئۇنداقتا سىز خەلىپىلەرگىمۇ بولۇشمايدىكەنسىز-دە، دېگەندە، ھەسەن بەسىرە ناھايىتى قاتتىق زەردە بىلەن: شۇنداق، ھەتتا ئەگەشمەيمەن، دەپلا جاۋاب بەرگەن. (7)
ئۆممۈۋىلەر دەۋرىدىن باشلاپ «بويسۇندۇرغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە مۇقەددەس جاينىڭ مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن، مەككە كۈندىن - كۈنگە بېيىپ، كەيپ-ساپا ۋە ئەيش-ئىشرەت تېزدىن ئەۋج ئېلىپ كەتتى.» (8) خەلىپىلەرنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدىغان قۇللار ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ئەسىرلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سېتىۋېلىنىغان، بۇلاپ كېلىنگەن ئاياللار، ئۆسمۈرلەرمۇ بار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا قۇللارنى ئېلىپ-سېتىش ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىپ باي بولۇشنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. «ئىسپانىيىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قۇللارنىڭ ھەربىرى 1000 دىنارغا، تۈرك قۇللىرىنىڭ ھەربىرى 600 دىنارغا يارايتتى.» … ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆممۈۋىلەرنىڭ شىمالىي
ئافرىقىغا ئەۋەتكەن ھاكىمى مۇسا ئىبنى نۇسەر (640 — 716) ئافرىقىدا 300 مىڭ ئەسىرگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى خەلىپە ۋەلىدگە سوۋغات قىلغان. ئۇ مىلادى 711-يىلى مۇئاۋىن باش قوماندان تارىق ئىبنى زىيادنى ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى پەتھى قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىسپانىيە گود ئاقىۋڭەكلىرىنىڭ قۇلىدىن 30 مىڭ قىزغا ئىگە بولغان، مۇسۇلمان گېنېراللىرى تۈركىستاندىن 100 مىڭ ئەسىرگە ئىگە بولغان.(9)
ھاراق ئىچىش — ئىسلام دىنىنىڭ قانۇنى — «شەرىئەت» تە مەنئى قىلىنغان «جىنايەت» دەپ قارالغان قىلىشنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆممۈۋىلەر دەۋرىدە قانۇننىڭ بۇ ماددىسىغا ئەمەل قىلىنمىدى. تارىخىي قەيتلەرگە قارىغاندا، ئۆممۈۋىلەر خاندانلىقىنىڭ 2-خەلىپىسى يېزىد ئۇچىغا چىققان ھاراقكەش بولۇپ، بارغانلا يېزىدە قولىدىن ھاراق رومكىسى چۈشمىگەن. شۇڭا ئۇنى كىشىلەر «ھاراقكەش يېزىد» دەپ ئاتاشقان. مەشھۇر قانۇنشۇناس ھەسەن بەسرە (مىلادى 642 — 728) ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان جاسارىتى بىلەن ئالتۇن تەختتىكى «ھاراقكەش يېزىد» نى كۆپ قېتىم يۈزتۇرانە تەنقىد قىلغانىدى. مەرۋان II ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چاغ (مىلادى 744 — 750) دا، مەشھۇر ھەزرىتى ئىمام ئەززەم ئەبۇھەنەفە(10) ئىراق ۋالىيىسى يېزىد ئىبنى ئۆمەرنىڭ كۈفەدىكى قازىلىق مەنسىپىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن ئەدەبلەش جازاسى بېرىلگەن. ۋەلىد II مۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھاراقكەش بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدا «شاللاق خەلىپە» دەپ نام ئالدى ۋە ھىجرىيىنىڭ 126-يىلى (مىلادى 743 — 744) باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئۆممۈۋىلەر دەۋرىدە گەرچە ئىسلامىيەتچە بولغان بەزى مۇئەسسەسىلەر تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ
تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە فۇنكسىيىلىرىنىڭ مۇستەھكەم بولغان ئۇلى ئۈستىدە ئەمەس ئىدى. بۇ ئىككى تەرەپتىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇق خەلىپىنىڭ قولىدا بولۇپ خەلىپىنىڭ قول ئاستىدىكى زور بىر تۈركۈم تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار خەلىپىلەرنىڭ نوپۇزى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرىدىغان زېمىنلىرى ۋە مەمۇرىي ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىشلاردىلا قانۇننى يۈرگۈزەلەيتتى. ۋەزىرلەرنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇلار مالىيە، ھەربىي ئىشلار، سۇغىرىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇراتتى ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈشكە مەسئۇل ئىدى. ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرى، ھەربىي قوماندانلار، خەزىنە باشقۇرغۇچىلار، بازار تەپتىشلىرى، سۇ باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدىلا سوت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى، شۇرتا (ساقچى ئەمەلدارى) لار جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلاتتى، ئىلگىرى مەيلى تۆت خەلىپە دەۋرىدە بولسۇن، مەيلى مۇھەممەد پەيغەمبەر دەۋرىدە بولسۇن، گۇناھكار دەپ قارالغانلار نەسىھەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش، توۋا قىلدۇرۇش، دەررە ئۇرۇش قاتارلىق جازالارغا تارتىلاتتى، ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى قاماققا ئېلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق قاتتىق بولغان قانۇنىي جازالار ئالدى. بۇنىڭ بىلەن خەلىپىلەرنىڭ ئوردىسىدا رەسمىي ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئايپالتىلىق جاللاتلار ۋە ئادەم سولايدىغان زىندانلار بارلىققا كەلدى.
ئابباسىيلار (مىلادى 750 — 1258) دەۋرىدىمۇ ئۆممۈۋىلەر دەۋرىدىكىگە ئوخشاش «كوللېكتىپ توپلىشىپ ھاراق ئىچىش ۋە يەككە ئۆز ئالدىغا ھاراق ئىچىشلەر ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ھاراق ئىچىشنى مەنئى قىلىش ئەسلىدە ئىسلام
دىننىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. ھالبۇكى… خەلىپە، پادىشاھ، ۋەزىر مەتتا سوتچىلارمۇ بۇنىڭغا سەل قارىدى. چىلان چىلانغان ھاراقلار ئەڭ ئېسىل ئىچىملىك ھېسابلىناتتى. زىياپەتلەردە قىزلارنى ناخشا ئېيتقۇزۇش بىلەن بەزمە قىلىش ئەجەبلىنەرلىك ئىش ھېسابلانمايتتى… كۆرگىلى بولىدۇكى، بۇنداق زىياپەتلەرگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ناخشىچى قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شەھۋانە يۈزىلەر بولۇپ، بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ياشلارنىڭ ئەخلاقىغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر تەھدىتنى شەكىللەندۈرۈپ تۇراتتى.» (11) بۇنداق چىرىكلىك خەلىپىلەرنىڭ مۆمىن (مۇسۇلمانلار) لەر بىلەن يىراقلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ تەختتىن دومىلاپ چۈشۈشىنى تېزلەتتى. ئۇرۇش سەپلىرىدە بولسا، رەقىبلىرىنى كۆپەيتىپ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك سۈيقەست ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى.
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئابباسىيلار خاندانلىقىدا 37 نەپەر خەلىپە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىگە 508 يىل (يەنە بەزى ئېيتىلىشلاردا 523 يىل دېيىلىدۇ) ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، خاندانلىقنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىسى بولغان ئەبۇئابباس ئالتىنچى خەلىپە مۇھەممەد ئەمىن زۇليەمىن تەرىپىدىن، ئونىنچى خەلىپە موتەۋەككىل ئون بىرىنچى خەلىپە مۇنتەسىر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان(12). خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى توققۇز خەلىپىسىمۇ قىسقىغىنە 50 يىل ئىچىدە قول ئاستىدىكى تۈركلەردىن تەشكىللەنگەن مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن، بەزىلىرى دارغا ئېسىلغان، بەزىلىرى زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئەڭ ئاخىرقى خەلىپە ئەلمۇستەئسىم مىلادى 1258-يىلى ھىلاكۇخان تەرىپىدىن ئىككى ئوغلى بىلەن قوشۇپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن(13). بۇ
ھەقتە پاكىستانلىق مۇسۇلمان تارىخچىسى سەئىد فەيياز مەھمۇدىنىڭ ئابباسىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى كەيپ-ساپا، چىرىك تۇرمۇشى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئۇ كىتابىدا: «قىلچە مۇبالىغە قىلمىغان ھالدا ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئابباسىيلار خەلىپىلىكنىڭ ئوردا تۇرمۇشى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ياكى پۈتكۈل تارىختا ئۆزىنىڭ ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالىقى بىلەن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇكى، بىرەر پادىشاھنىمۇ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇ دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۆز گۇناھى تۈپەيلىدىن جاجىسىنى يېدى» دەپ يازىدۇ (14) .
ئابباسىيلار دەۋرىدە بىدئەت ئەۋج ئالدى. 2-خەلىپە مەنسۇر ئەبۇجەئفەر تەختتىكى ۋاقىتتا (مىلادى 754 — 775)، ئىمام ئەزەم ئەبۇھەنەفە زىندانغا تاشلاندى ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولدى. 7-خەلىپە مەئمۇن (ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى مىلادى 813 — 833) بىلەن 8-خەلىپە مۇستەئسىم بىللاھ (ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى مىلادى 833 — 845) دەۋرىدە مۇئتەزىللەر (15) مەزھىپىنىڭ « (قۇرئان) ئاللا تەرىپىدىن نازىل بولمىغان، ئۇنى ئادەم يېزىپ چىققان» دېگەن تەشەببۇسى ئېتىراپ قىلىندى ھەمدە دىنىي ئۆلىمالارغا مەجبۇرىي تېڭىلدى. مەئمۇن مۇئتەزىللەردىن بولغان ئەبۇ ئىبن دۇۋادنى قازى قۇزاتلىققا تەيىنلەپ، دىنىي سوت تەسىس قىلدى ھەمدە ئۇنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئالىي ئەمىرلەرنىڭ مۇشۇ ئەقىدىگە ئېتىقاد قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەپتىش قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇردى. مانا مۇشۇ چاغدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل(16) مۇئتەزىللەر مەزھىپىنىڭ يات تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلاندى.
قىسقىسى، بۇ دەۋردە قانۇن ئاياغ-ئاستى قىلىندى،
خەلىپىلەر ئۆز خاھىشلىرىغا ئاساسەن پەرمانلار چۈشۈرۈپ، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئارىلاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئەدلىيە، قانۇن ئورگانلىرى پاسىپ ھالغا چۈشتى. خۇددى مىسرلىق قانۇنشۇناس ھەسەن ئىبراھىم ھەسەن «ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە ئىسلام شەرىئىتى» دېگەن ئەسىرىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەندەك «ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ئەدلىيە خىزمىتى سىياسەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي قالىدى. خەلىپىلەر ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىقتىن، قازىلار قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ۋاقىتلىرىدا زادى قانداق قىلىشلىرىنى ۋە قايسىنى ئىجرا قىلىشنى بىلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. خەلىپىلەر ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغىمۇ ئارىلىشىۋالغانلىقتىن، قازىلار دائىم خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قېلىشقانىدى.» (17) بۇ ھەقتە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا-ئافرىقا ئىنستىتۇتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسور ن. ج. كورسۇن ئەپەندى مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئابباسىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى (شەرىئەت) نىڭ ھامىيلىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ماختىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۆزىنىڭ سىياسەت توغرىسىدىكى شەخسىي چۈشەنچىلىرىنى (شەرىئەت) بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئاساسى قىلىشقا كۆرسەتمە بېرەتتى، سوتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويمايتتى، سوتنىڭ بىردىنبىر مەسئۇلىيىتى (شەرىئەت) نى يولغا قويۇش دەپ قارايتتى. پۈتۈكچىلەر قازىلار تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنغان ئىشلارنىڭ خەلىپە ۋە ھاكىملارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىلگەن ئىشلەنمىسىنى باش قاتۇرۇپ پۈتۈشكەندەك قىلسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچە چاغلاردا پۈتىدىغىنى ھۆكۈمدارلارنىڭ قازىلارغا چۈشۈرگەن ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمرانلار-
نىڭ كۆرسەتمىسىگە خېلاپلىق قىلغان سوتچىلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قىسقا پەرمانلىرى بولاتتى. (18) مانا مۇشۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش نەتىجىسىدە ئەينى زاماننىڭ ئۆزىدە ئەدەبىياتتا ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىرى بولغان خەلىپىلەرنى ئەخلاقىي جەھەتتىن توغرا يولغا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان «ئوردا ۋەزىر-ۋۇزرا مەزھىپى» دەپ ئاتالغان ئەدەبىيات شەكلى (19) شەكىللەنسە، ئەنگلىيىلىك كورسۇن ئەپەندى تەرىپىدىن «جامائەت قانۇنى تەلىماتى» دەپ ئاتالغان قانۇن يېڭىلاش ھەرىكىتى قانۇنشۇناسلار ئارىسىدا بارلىققا كەلدى ۋە ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى شۇنداقلا قانۇنشۇناسلىرىغا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەبىر كۆرسەتتى. قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي، ھەربىي ۋە ئەدلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىمائىي جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت ۋە شەرتلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە بىر تۇتاش قېلىپقا سېلىپ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشى — ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بولغان باغدادتا مەيدانغا كەلگەن «جامائەت قانۇن تەلىماتى» ۋە بۇ تەلىماتنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان قانۇن يېڭىلاش ھەرىكىتى ئۇچقۇنلىرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنچىلىق ئەمەلىيىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. جامائەت قانۇن تەلىماتى — كالامىزم ئىلاھىيەتچىلىكىنىڭ ھوقۇقشۇناسلىق بىلەن قانۇنشۇناسلىققا ماسلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، III ۋەسىردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى تەرىپىدىن بىخلاندۇرۇلغان. ئۇنىڭغا تۇنجى ئۇل قويغۇچى كىشى ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ 5-خەلىپىسى ھارۇن رەشىد (ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى مىلادى 786 — 809) دەۋرىدە «قازى قۇززات» (ھازىرقى ئەدلىيە
مىنىستىرىغا توغرا كېلىدۇ) لىققا تەيىنلەنگەن كۈفەلىك مەشھۇر قانۇنشۇناس ئەبۇ بۇسۇپ (731 — 798) دۇر. ئۇ ھارۇن رەشىدكە تۈزۈپ بەرگەن « كىتابۇل خېراج » (يەر بېجى قانۇنى) دېگەن دەستۇرىدە بۇ تەلىماتنىڭ بەزى چەكلىمىلىك تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا بۇ ھەقتىكى تەپەككۇر ۋە مۇنازىرىلەر باشلاندى. XI ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن رەسمىي بىر مۇكەممەل تەلىمات بولۇپ شەكىللەندى. ئۇنى بۇ ساھەدە ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ سىستېمىلىق شەرھلىگەن كىشى شافى (20) مەزھىپىنىڭ شەرىئەتشۇناسى ئەبۇ ھەسەن ئەل مەۋەردى (ۋاپاتى مىلادى 1057-يىللار) دۇر. ئۇ « كىتابۇل ئەھكام ئەسسۇلتانىيە » (سۇلتانلارنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدىكى قائىدىلىرى) دېگەن ئەسىرىدە بۇ تەلىماتنى ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا شەرھلىدى. كېيىنچىرەك بۇ مۇھاكىمىگە ھەنبىلى مەزھىپىنىڭ تەفسىرچىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئىبن تەيمى (ۋاپاتى مىلادى 1338-يىللار) بىلەن مالىك ئىبن پارخۇن (ۋاپاتى مىلادى 1395-يىللار) لار قاتناشتى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى.
شۇنداق قىلىپ « XI ئەسىردىن باشلاپ قانۇنشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر خىل جامائەت قانۇنى تەلىماتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تەشكىلىي ئەمەلىيىتىدە بۇرۇندىنلا ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقان (شەرىئەت) نىڭ ئورنىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئاساسلىدى. بۇ تەلىمات سۇننى (21) مەزھىپىنىڭ بارلىق قانۇنشۇناسلىق ئېقىملىرىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق بولۇپ، خەلىپىلەرنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەت ۋە شەرتلىرىنى قانۇن قىلىپ بېكىتتى. بۇ شەرتلەر ئىچىدە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مۇھىم تەلەپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى قاتتىق ئىخلاسمەن ۋە تەقۋادار
بولۇشتەك ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە بولۇش ۋە شۇ ئاساستا ھۆكۈم چىقىرىش؛ يەنە بىرى ئاللانىڭ قانۇن ھەققىدىكى كەلسىلىرىگە ۋە ئىبارىلىرىگە نوغرا تەفسىر ئېيتىش ئىقتىدارى يەنى ئىجتىھات بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ تەلىمات يەنە يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئىش كۆرۈشىگە، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان پرىنسىپلارنى يۈركۈزۈش ۋە تولۇقلاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.» (22)
بۇ مەسلەك ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى قانۇن تەلىماتنىڭ مەزمۇنلىرى ئىسلام قانۇنچىلىقىدا ئىلگىرى بولمىغان ئادۋوكاتلىق تۈزۈمنى ئورنىتىپ، قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش؛ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى ناھەقچىلىقلارنى تۈگىتىپ، ئادالەتنى بەرپا قىلىش؛ خەلىپىلەر ۋە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ يەنى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەقلىي، ئەخلاقى، جىمانىي جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت ۋە شەرتلىرىنى نىزام قىلىپ بېكىتىپ قانۇنلاشتۇرۇش؛ پۇقرالارغا زۇلۇم سېلىپ قانۇننى بۇزۇپ، يولدىن چىققان ئەمەلدارلار ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرز-شىكايەت دېلولىرىنى قوبۇل قىلىپ تېرگاۋ قىلىش ۋە جازالاشقا تېگىشلىكلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش قانارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مەسلەكنىڭ تەلىماتى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، «شەرىئەت» نىڭ ئەدلىيە تۈزۈمىدە ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ قوش سوت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
قوش سوت تۈزۈمى — يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئاغزاكى سۇنۇلغان ئەرزلەرنى بىرتەرەپ قىلىش سوتى بىلەن ئىلگىرىدىن تارتىپ بولغان دىنىي سوتنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغان دەۋالارنى تەقسىملىشىۋېلىپ ئۆز ئالدىغا تېرگاۋ قىلىش تۈزۈمى بولۇپ،
قانۇنشۇناسلارنىڭ نەزەرىدە، بۇنداق سوت قۇرۇلغاندا دىنىي سوت يالغۇز تۇرغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا خاتالىق ۋە ئۇۋالچىلىقلار كەم سادىر بولاتتى ياكى ئۇلارنىڭ ئالدى ئېلىناتتى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي سوت ھەل قىلالمايدىغان بەزى دەۋالار «ئاغزاكى سۇنۇلغان ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سوتى» غا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان بولدى. ئىلگىرى دىنىي سوت «مەھكىمە شەرئى» دەپ ئاتالغان بولسا، مانا بۇ چاغدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئاغزاكى سۇنۇلغان ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سوتى «مەھكىمە مەزالىم» دەپ ئاتالدى. «مەھكىمە شەرئى» نىڭ ھامىيلىرىدىن بولغان «قازى» لار ئاللانىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچىلار بولسا، «مەھكىمە مەزالىم» نىڭ ھامىيلىرىدىن بولغان «ساھە-بۇلمەزالىم» لار مەۋجۇت جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمرانلار قانۇنلىرىنىڭ ئادالەتلىك بىلەن يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋەكالەتچىلەر ئىدى. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئەمەلىيىتىدە بارا-بارا يەنە بۇ ۋەكالەتچىلەرگە ۋەكالىتەن كونكرېتتى ئىش قىلىدىغان، «قازى» لار تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان «ساھىبۇل رادىد» (ۋەكالەتلىك قىلىپ ئىگىسىگە قايتقۇچى دېگەن مەنىدە) لەر بىلەن مەخسۇس جىنايى ئىشلار دەۋالىرىنى تەپتىش قىلىدىغان «ۋالىئەلجارائىم» (ھۆكۈمدارغا ۋەكالىتەن جىنايى ئىشلار قىلمىشلىرىنى سوتلايدىغان كىشى دېگەن مەنىدە) لار مەيدانغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ھوقۇقى «قازى» لار بىلەن «مۇختەسىب» (ياكى مۆھتىسپ) دېيىلىدىغان تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ ئىدى.
«قازى» لار بىلەن «مۇختەسىب» لەر ئۆممۈۋىلەر دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان مۇئەسسەسلەر ئىدى. «قازى» —
ئەڭ ئاۋۋال ئۆممۈۋىلەرنىڭ ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلدى. دەسلىپىدە «قازى» دېيىلىدىغانلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇسۇسىيلارنىڭ قانۇنغا چېتىلىدىغان شەخسىي جېدەل-ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش بولۇپ، ئۇ ھەربىي مۇئەسسەسلەر ئىچىدىكى بىر خىل مەمۇرىي خىزمەت ھېسابلىناتتى. دەسلىپىدە ئۇلارنىڭ ھوقۇقى دۆلەتنىڭ ھەر خىل قوشۇمچە تارماقلىرىدا كۆپرەك ئىشلىگەن بولسا، ئۆممۈۋىلەرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، مەمۇرىي تارماقلىق خاراكتېرىنى يوقىتىپ، مەركىزىي ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئايلاندى. لېكىن ئۇلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرىدىغان ئەدلىيە ئەمەلدارلىرىدىن بولماي، خەلىپىگە بېقىنىدىغانلاردىن ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرى شۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ھۆكۈمدارلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەتتى. ئۇلار ھۆكۈملىرىنى ئۆزلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمدارلارنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلالمايتتى.
«مۇختەسىب» دېيىلىدىغان تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىمۇ دەسلىپىدە ئانچە زور ئەمەس ئىدى. كېيىنچە ئۇنىڭغىمۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ ھوقۇقلار بېرىلدى. خۇددى كورسۇن ئەپەندى ئېيتقاندەك: «بۇ ئەمەلدارلار يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئادەتتىكى دىنىي ئەخلاق ئۆلچىمى نورمىلىزىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا قويۇلغان بولۇپ، ۋەزىپىسى — مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۆتەش، پەرھىزلەرنى ئادا قىلىشتىن تارتىپ تاكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەر..ئاياللارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشماسلىقىغىچە بولغان ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش ۋە تەپتىش قىلىش ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇلار يەنە بازارلاردا سادىر بولغان يەڭگىل خاراكتېردىكى جىنايى قىلمىشلار مەسىلەن، يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىغىۋېلىپ
بېسىمدارلىق قىلىش، تاۋارلارنىڭ قۇمسۇرىنى يوشۇرۇپ ناچار ماللارنى ياخشى دەپ سېتىش قاتارلىقلارنى قانداق ۋاقىتتا ئۇچراتسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سوتلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. بۇ — ئۇلارنىڭ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىناتتى. ناۋاتتا (مەھكىمە مەزالىم) نى قازىلار تىرگاۋ قىلىشقا ئامالسىز قالغان دېلولارنى تېرگاۋ قىلىدۇ دېسەك، ئۇنداقتا قازىلارنىڭ يۇقىرى ئىززەت-ئابروي ئالدىدا بىرەر قېتىم قاراپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىلىدىغان دېلولارنى (مۇختەسسىب) لەر سوتلاپ بىر ياقلىق قىلاتتى.» (24)
«مەھكىمە مەزالىم» نىڭ خاراكتېرى ھەققەدە ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى خەلدۇن دۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ھاكىمىيەت بىلەن ئەدلىيە ھوقۇقنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ۋەزىپە ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ ھوقۇق ۋە يۇقىرى ئابروي بولۇش كېرەك. شۇنداق برلىناندىلا ناھەقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار باستۇرۇلىدۇ، بولدىن چىقىپ كەتكەنلەر جازالىنىدۇ، قازىلار ھەل قىلالمايدىغان چىگىش دېلولار ھەل قىلىنىدۇ، دەلىل-ئىسپات، ھۆكۈمگە يوللانغان دېلو ماتېرىياللىرى ۋە باشقىلارنىڭ دېلو ئۈستىدە بەرگەن گۇۋاھلىق ئىسپاتلىرىنا قايتا قاراپ چىقىلىدۇ، ھۆكۈملەرنىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلۈپ دېلولارنىڭ ھەققىي قىياپىتى ئېنىقلىنىدۇ ياكى دەۋاگەرلەر بىلەن جاۋابكارلار مۇرەسسەگە تارتىلىپ ئىختىلاپلار تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىدۇ ياكى بولمىسا قايتىدىن يېڭى دەلىل-ئىسپات ئېلىنىپ باشقىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ قازىلارنىڭكىدىنمۇ كەڭرەك بولغانلىقىدىندۇر.» (24) ئەرەب تارىخچىسى مەسئۇدى ئۆزىنىڭ «ئالتۇن يايلاق» دېگەن كىتابىنىڭ II قوم 436-بېتىدە، ئابباسىيلارنىڭ 14-خەلىپىسى مۇھتەددىنىڭ
ھىجرىينىڭ 255 — 256-يىللىرى (مىلادى 869-يىللار) تۆت تەرەپكە قارىتىپ دەرۋازا قويۇلغان بىر ئېگىز مۇنار ياساتقانلىقى ھەم ئۇنىڭغا «مەزالىم مۇنارىسى» دەپ نام بېرىپ ئۇنى پۇقرالار ۋە دەردىمەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كېلىپ دەردىنى تۆكىدىغان ھەم ئۆزىنى ئاقلايدىغان جايغا ئايلاندۇرغانلىقىنى يازىدۇ، ھەم «سالىم ئىبنى ئەلى، بىر كۈنى مەن مۇھتەددىنىڭ (مەھكىمە مەزالىم) ىدە بىر ئۇۋال قىلىنغان دېلونى سوراق قىلىشقا قاتناشقىنىمدا ئۇنىڭغا سۇنۇلغان ئەيىنامە بىلەن ئۇنىڭ جايلارغا چۈشۈرگەن پەرەانىنىڭ ناھايىتى تېز ئۈنۈم بېرىپ مېنىڭچە بولغاندا، ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىگە يەتكەنسى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، دېگەنىدى» دەيدۇ (20).
«مەھكىمە مەزالىم» بىلەن «مەھكىمە شەرئى» نىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى پەرقلەرنى مەۋەردى ناھايىتى ئەتراپلىق شەرھلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى پەرق ئاساسلىقى «مەھكىمە مەزالىم» رىياسەتچىلىرىنىڭ قازىلارغا قارىغاندا ناھايىتى چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. ئۇنىڭ شەرھلەشچە، ئۇلار تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ دەۋاگەرلەرنىڭ ئەيىبكارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىشىنى چەكلەشكە، بۇلاڭچىلىق ۋە زومىگەرلىك تالىشى قاتارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىپ توسۇشقا ھوقۇقلۇق، گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىق ئىسپات ماتېرىياللىرىنى، ئادەم ئىسپاتى، ماددىي ئىسپات قاتارلىقلارنى قايتا تەپتىش قىلىپ ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ھوقۇقلۇق، ئەگەر دەۋالاشقۇچىلار لىللا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكرىگە قايىل بولمىسا، «ساھىبۇلمەزالىم» لەر دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئېيتىراز بىلدۈرۈشىگە يول قويىدۇ، ئاندىن قازىلار
دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. « ساھىبۇلمەزالىم » لەر گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن گۇمانلانسا، ئۇلارنى قەسەم قىلىشقا زورلايدۇ ياكى گۇۋاھچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ گۇماننى يېشىدۇ. گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈنۈشنىن بۇرۇن ئۇلارغا ئالدىنئالا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ قويۇلىدۇ. ئەدلىيە نەمەلىيىتىدە دەۋاگەرلەرنىڭ ئېنىق گۇۋاھچىلارنى كۆرسىتىشى ئالدىن بۇيرۇلىدۇ، گۇۋاھچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىق ئىسپاتلىرىنى ئاڭلاشقا بولىدۇ.
« مەھكىمە مەزالىم » دە سوتنى ئادەتتە خەلىپىلەر ياكى خەلىپىلەرنىڭ قانۇنىي ۋەكالەتچىلىرىدىن بولغان « ساھىبۇلمەزالىم » لەر ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئەرز سۇنغۇچى تەرەپ ناۋادا ئەمەلدار بولسا، مۇتىۋەللىلەر سوتنى ئەرز سۇنغۇچىنىڭ تەلەپ قىلغان كۈنىگە توغرىلاپ بېرىدۇ. ئايرىم سوتلاشقا تېگىشلىك بولغان دەۋالارغا قارىتا ئۇدا يەتتە كۈن سوتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەرەب تارىخچىسى سۈيۈتىنىڭ « خەلىپىلەر تارىخى » دېگەن كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، « مەھكىمە مەزالىم » نۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئابباسىيلار خاندانلىقىدىكى ۋەزىرلەرمۇ كېيىنچىرەك « مەھكىمە مەزالىم » غا بېرىپ دەۋا سورايدىغان بولغان. بۇ دەۋردە ئوردا نائىپلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان سوت يىغىنلىرىغا قاتنىئاتتى، بەزى ھاللاردا « مەھكىمە مەزالىم » نىڭ « ساھىبۇلمەزالىم » لىكىگە ئاياللاردىنمۇ تەيىنلەنگەنىدى. ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ 18-خەلىپىسى مۇقتەدىر (مىلادى 908-يىلى تەختكە چىققان، 25يىل خەلىپە بولغان)نىڭ ئانىسى مانا مۇشۇنداق يۇقىرى مەنسەپكە تەيىنلەنگەن
بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ھىجىرىيىنىڭ 306-يىلى ئۆزىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئايال خوجايىنى تومارنىڭ «مەھكىمە مەزالىم» دە مەنسەپكە تەيىنلەنگەن چېغىدىكى ھوقۇقنىڭ دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. تومار خەلىپىنىڭ ئانىسى تەرىپىدىن پەرمان چۈشۈرۈلۈپ ياساتقۇزۇلغان رىسافى شەھىرىدە ئەنە شۇنداق بىر سوت تەسىس قىلىپ، ھەر جۈمە كۈنى پۇقرالارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تىڭشاپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئوردىنىڭ دائىملىق كۈنتەرتىپىگە ئايلاندۇرغانىدى. ئۇ دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا قازى ھەم تۆرىلەرمۇ قاتناشتۇرۇلاتتى، قارار ھەم ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇ ئۆزى بىۋاسىتە ئىمزا قوياتتى. (26)
پروفېسور كورسۇننىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بۇ چاغدىكى ئىسلام دىنىنىڭ قانۇن تۈزۈش ئەمەلىيىتى قوش سوت تۈزۈمى ئاساسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيىسى نەزەرىيە جەھەتتىنلا دىنىي خاراكتېرغا ئىگە ئىدى. ئەمما «مەھكىمە مەزالىم» نىڭ سوت قىلىش ھوقۇقى بىلەن شەرىئەت سوتىنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقى ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق ئايرىما بولۇپ، ئۇ ئۆرپ-ئادەت سوتى بىلەن دىنىي سوتنىڭ پەرقلىق ئايرىمىسىغا بەكمۇ ئوخشايتتى. كورسۇننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، « (مەھكىمە مەزالىم) نىڭ يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقنىڭ دائىرىسىنى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئۆزى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلەيتتى ھەمدە ئۇنى داۋاملىق كېڭەيتىپ (مەھكىمە شەرئى) لەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋاللارنى ئەرز سۇنۇپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرى سوتى (ماجىپ) نىڭ مەملۇك خاندانلىقى دەۋرىدە مىسردا كەڭ دائىرىلىك سوت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقى ئارقىلىق چۈشىنىش مۇمكىن.» (27) پروفېسور كورسىن بۇ يەردە بىر تەرەپتىن، « ھاجىپ» نى «مەھكىمە مەزالىم» نىڭ
مەلۇم دائىرە بويىچە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرەرى بىلەن خاراكتېرلەپ «ئەرز سۇنۇپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرى سوتى» دەپ ئاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، «ھاجىپ» لارنىڭ مىسردا سوتقا چىقىپ دەۋا سوتلىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەھۋالدىن شەپە بېرىدۇ ھەمدە «ئەرز سۇنۇپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرى سوتى» (ھاجىپ) دا، خۇسۇسىي قانۇنلارغا چېتىلىدىغان دەۋالارنى كۆپىنچە قازىلار ترگاۋ قىلىدۇ، دەيدۇ.(28)
مەلۇمكى، بۇ يەردە XX ئەسىردە ياشىغان ئەمما «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن قاراخانىلار، تارىخنى تەتقىق قىلغانلىقى تېخى بىزگە مەلۇم بولمىغان ئەنگلىيىلىك بىر قانۇنشۇناسنىڭ يۇقىرىقى مۇھاكىملىرى بىلەن XI ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان، قاراخانىلارنىڭ قانۇنشۇناسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ بىر ئوخشاشلىق ئۇلارنىڭ «ھاجىپ» سۆزىگە بەرگەن تەبىرلىرىدە كۆرۈلمەكتە. بۇ ئورتاقلىق «ھاجىپ»نى ھەر ئىككىلىسىنىڭ، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن پۇقرالارنى كۈتۈۋالتىدىغان، يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانغا مەلۇم قىلىدىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ۋە جەبىرلەنگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، دەردۇ ئەھۋالىغا يېتىدىغان، ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى نامۇۋاپىق ناچار قىلىقلارنى ئوردىنىڭ قائىدە-قانۇنلىرى بىلەن تۈزەپ يولغا سالىدىغان ھوقۇقلۇق خادىم دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىدا بولۇپ، پەرقى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ھاجىپ» كەلمىسىنى كورسۇنغا ئوخشاش «سوت» دەپ ئاتىمىغانلىقىدۇر. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئەرەب تارىخچىلىرىدىن مەۋەردى، ئىبنى خەلدۇن، مەسئۇدىلەر «مەھكىمە مەزالىم» ھەققىدە كەڭ مەلۇمات بەرگەندەك، سەلجۇقىيلار تارىخچىسى
نىزامۇلمۇلاك، (29) غەزنەۋىلەر تارىخچىسى بەيھەقى (30) يېقىنقى زامان سىستىمى تارىخچىسى ھەسەن ئىبراھىم ھەسەن، پاكىستان تارىخچىسى سەئىد فەيياز مەھمۇدلەرمۇ « مەھكىمە مەزالىم » غا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان « ھاجىپ » لەر ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.
ئۇلارنىڭ قەينلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، « ھاجىپ » — ئۆممۈۋىلەر، ئابباسىيلار، سامانىلار، سەلجۇقىيلار، غەزنەۋىلەر، مەملۇكلەر شۇنداقلا قاراخانىلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىردەك تەسىس قىلىنغان مۇئەسسەسە بولۇپ، ئۇنىڭغا تەيىنلەنگەنلەر ھەربىر ھاكىمىيەتلەردە ۋە ھەربىر دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنىدى. ئۆممۈۋىلەرنىڭ ئاندالۇزىيە (ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى) دە قۇرغان بىر تارماق ھاكىمىيىتىنىڭ خەلىپىسى ھىسام II (مىلادى 976 — 1000) دەۋرىدە مۇھەممەد ئىبنى ئەبى ئامۇر ئىسىلىك بىر كىشى يۈكسەك ئالانتىغا ئاساسەن دەسلەپتە ساراي مۇشاۋىرلىقىغا كۆتۈرۈلۈپ كېيىن « ساس ھاجىپ » دەپ ئاتالغانىدى. ئۇ بىر يېڭى ساراي سالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا « مەدىنە قەسىرىسى » دەپ نام بەرگەن. مېتال پۇل ئۈستىگە ئىسمىنى ئويدۇرۇپ، نامىنى خۇتبىدە ئوقۇتقان. ئاندالۇزىيىگە 30 يىل ھۆكۈمران بولۇپ، ئارمىيىنى قايتىدىن قۇرۇپ تەشكىللىگەن، « مەنسۇر » (غالىب كەلگۈچى دېگەن مەنىدە) دېگەن نام بىلەن 50 قېتىمدىن ئارتۇق ھەربىي يۈرۈشكە قوماندانلىق قىلغان. ئۇ ئوردىدا خەلىپىنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى تەشكىللىگەن (31)، ئابباسىيلاردا ئۆممۈۋىلەردىن ئىكەنلىكى بىلىنگەن بىر كىشى ھاجىپ مەنسىپىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئارىسىدا ئەلچىلەر، شىكايەت قىلغۇچى ۋە تەلەپچى ئادەملەرنىڭ سۇنغان ئەرز ئىلتىماسلىرىنى ئاڭلاپ ھۆكۈمدارغا مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئائىت مەسىلىلەر ئورۇن
ئالمىغان.
سامانىلار خانلىقى (مىلادى 874 — 999) دا، «ھاجىپ» لار ساراي ئۇنۋانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىناتتى. «الھاجىپ» دېيىلىدىغانلار ھاجىپلار ھاجىپى يەنى باش ھاجىپلار بولۇپ، باش ھاجىپلار ساراي ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى باشقۇراتتى. نۇھ ئىبنى ناسىر (ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى مىلادى 943 — 954) نىڭ ۋارىسى ئابدۇلمەلك دەۋرى (954 — 961) دە، ئۇ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرى باشلىقى ئېل تىگىننى ساراينىڭ ئۇلۇغ ھاجىپلىقىغا تەيىنلىگەنىدى. (32)
بۈيۈك سەلجۇقىلار ئىمپېراتۇرلۇقىدا «ئۇلۇغ ھاجىپ» ئۇنۋانى قوللىنىلغان ھەم يەنە «ھاجىپى دەرگاھ» (ساراي ھاجىپى) دېگەن بىر مۇئەسسەسىيۇ بارئىدى. سالجۇقىلاردىكى ھاجىپلارنىڭ بەزىسى ساراي خىزمەتچىلىرىنى كۆرسەتسە، بەزىسى ئەمىرلىك مەنسىپىدىكى ھەربىي قوماندانلارنى كۆرسىتەتتى، بۇنداق ھەربىي قوماندانلار تەخمىنەن 50 كىشىلىك ئەسكەر بىرلىكلىرىنى باشقۇراتتى. نىزامۇلمۇلككە ئائىت بىر مەلۇماتتىن بىلىنىشىچە، سەلجۇقىلار ۋەزىرى نىزامۇلمۇلك ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالمىغان بىر ھاجىپقا «مەن سېنى پەقەت ھۇزۇرىغا كېلەلمەيدىغان ئاجىز قېرى بوۋايلار بىلەن مومايلار ئۈچۈنلا خىزمەتكە سېلىۋاتىمەن، سەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ماڭا يەتكۈزمىگەنلىكىڭدىن ساڭا ئېھتىياجىم قالمىدى» دېگەنىكەن. بۇنىڭدىن سەلجۇقىلاردىكى ھاجىپلارنىڭ ھۆكۈمرانلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا ئارىچىلىق رول ئويناپ، پۇقرالارنىڭ دەردۇ ئەھۋالىنى ھۆكۈمدارغا يەتكۈزۈپ، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقى، ناۋادا بۇ ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن
كىشلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالمىغان چاغلىرىدا خىزمىتىدىن تەخرىسىز قالدۇرۇلۇۋېتىلىدىغانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
غەزنەۋىلەردە « ھاجىپ » لار ساراي ھاجىپى ۋە قوماندان ھاجىپى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنەتتى. سۇلتان مەسئۇدنىڭ ئەرتېكىن ئاتلىق بىر ساراي ھاجىپى، ئالتۇن تاش، بەگ تۇغدى، بەي تېكىن، تاش - فەرراش قاتارلىق قوماندان ھاجىپلىرى بولغانىدى. ساراي ھاجىپلىرى ساراي ئىشلىرىنى باشقۇرسا، قوماندان ھاجىپلار قوشۇن تۈزۈش، جەڭ قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. غەزنەۋىلەردە ئەلچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئىشلارنى « ھاجىپ » لار ئىشلىمەيتتى، بەلكى « رەسۇلدار » دېيىلىدىغان بىر مەنسەپتىكى ئەمەلدار ئىشلەيتتى.
مەملۇك خاندانلىقى (1250 — 1517) سارىيىدىكى « ھاجىپ » لار ئاساسەن دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلاتتى. قاراخانىلاردىكىدەك ئەلچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئىشلار « ھاجىپ » لارنىڭ بولماي، « مېھماندار » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىدى. قاراخانىلار خاندانلىقىدا چوڭ ھاجىپ ۋە ھاجىپ دېگەن ئەمەللەر تەسىس قىلىنغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « ئۇلۇغ ھاجىپ باشقا ھاجىپلارغا باش بولسۇن » (33) شەكلىدىكى قەيتى ئۇنىڭ ئەمرىدە ھەر خىل مەرتىۋىدىكى ھاجىپلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتسە، « قۇتادغۇبىلىك » دىكى ئاپتولدى ھېكايىسى ئۇلۇغ ھاجىپلار بىلەن باشقا ھاجىپلارنىڭ قول ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۇيان-بۇيان چېپىشىپ يۈرۈپ ئىشلەيدىغان « ئوغلان » (34) لار ۋە « ھاجىپ كىشىسى » (35) نىڭ بولىدىغانلىقىنى يورۇتماقتا. ھاجىپلار خان، بەگلەرنىڭ قوبۇل قىلىشلىرىدا « بروق » (بۇيرۇق) دەپ ئاتىلىدىغان
بىر كۈتكۈچى ئەمەلدارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندايتتى. مەھمۇد قەشقەرى، قوبۇللاردا دۆلەت چوڭلىرىنى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۇزۇرىغا مەنسەپ ۋە مەرتىۋىلىرىگە قاراپ ئورۇن ئالغۇزۇش ئىشى « بروق » دەپ ئاتىلىدىغان ئادەمنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدى (36) ئۇنىڭ قارىشىچە، دەرىجىسىگە قاراپ ئولتۇرۇش « قورام ئولتۇرۇش » دېيىلەتتى. بەزى تارىخى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، X I ئەسىرنىڭ ئاخىرى، X II ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياركەنت رايونىدا يېزىلغان تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىش ھۈججەتلىرىگە تۆت نەپەر ھاجىپنىڭ ئىسى ئايرىم-ئايرىم يېزىلغان. بۇ قاراخانىلاردا تۈرلۈك ھاجىپلارنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنە قاراخانىلاردا ھاجىپلار چەت ئەللەرگە ئەلچى بولۇپمۇ چىقاتتى. مەنبەلەردىكى بۇغراخان ھارۇننىڭ ئۆزىنىڭ بىر ھاجىپىنى غەزنەۋىلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىرىدىكە، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن « مەھكىمە مەزالىم » دىن ئىبارەت بۇ ئىلغار شەيئى ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ 14-خەلىپىسى مۇھتەدى دەۋرىدە بىر مەزگىل جانلىنىپ ئۇنىڭ سۇيىقەستلىك ئۆلۈمى بىلەن ئاجىزلىدى. 18-خەلىپە مۇقتەدى دەۋرى (مىلادى 908 — 933) دە ۋە تۈرك قۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن مەملۇك خاندانلىقى دەۋرلىرىدە قايتىدىن جانلاندى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ پائالىيەت سورۇنى باغدادتىن ئاندالوزىيە (بۈگۈنكى ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى)، مەغرىپ (مىسىر ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلار) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا كېڭەيدى. گەرچە، بىز ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان مەنبەلەردىن قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدىكىگە
ئوخشاش «مەھكىمە مەزالىم» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە مەھكىمىلەرنىڭ تەسىس قىلىنىپ، خەلىپە مۇھتەدىنىڭ تۆت تەرەپكە قارىتىپ دەرۋازا قويۇلغان ئىمارەت ياسىتىپ، ئۇنى پۇقرالارنىڭ ۋە دەردمەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زۇلۇم سالغۇچىلار ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت ئېيتىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرغىنىدەك بىرەر پاكىتلىق ماتېرىيالنى ئوتتۇرىغا قويالىغۇدەك ئەھۋالدا بولمىساقمۇ، كۆزىتىشلەر بىر تەرەپتىن، ئەبۇ يۈسۈپنىڭ «كىتابۇل خېراج» ى بىلەن مەۋەردىنىڭ «كىتابۇل ئەھكام ئەسسۇلتانىيە» لىزىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» -گە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، «قۇتادغۇبىلىك» دىكى قانۇن ھادىسلىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ھەققىدە گەپ قىلغاندا، بۇ مەسىلىگە ماكان، زامان نۇقتىسىدىن ياندىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق كۆرۈنۈشلەرنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنى ئۇقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلىم ساھەسىگە باغداد، ئاندالوزىيە، مىسردىكى ئەرەبلەر بىلەن سەمەرقەند ۋە قەشقەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدلىيە مۇئەسسەسىلىرىنىڭ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاك بېسىپ تۇرىدىغان بەزى پاكىتلارنى تېپىپ بەرمەكتە.
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، غەربىي قاراخانىلارنىڭ مەشھۇر ھۆكۈمدارى تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم ئىبن ناسىر ھاكىمىيەت تۈستىدە تۇرغان چېغىدا ئەبۇناسىر مەنسۇر ئىبن ئەخمەد ئىبن ئىسمايىل دېگەن كىشىنى سەمەرقەند ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ «ساھە-يۇلمەزالىم ۋەلھەكەم» (ئەدلىيە باشلىقى ۋە ھاكىم) لىكىگە تەيىنلىگەنىدى. تارىخىي مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا «ھاجىپ» ئۇنۋانىدىكىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى،
« ساھىبۇلمەزالىم ۋەلھەكەم » لىككە تەيىنلەنگەن بۇ ئادەمنىڭ « ھاجىپ » لار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئادەمنىڭ « ھاجىپ » - لارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تەيىنلەنگەن-تەيىنلەنمىگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇماتىمىز يوق (تارىخىي مەنبەلەردە تامغاچ بۇغراخاننىڭ ئوغلى شەمسۈلمۈلۈك دەۋرىدە ئۇنىڭ ئوردىسىدا ئۇلۇغ ھاجىپ ئۇنۋانىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بولغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلار كۆرۈلمەكتە). ئەمما ئالىملار تەرىپىدىن قاراخانىلار خاندانلىقى تارىخنى تەتقىق قىلىشنىڭ مەنبەسى دېيىلىۋاتقان « قۇتادغۇبىلىك » تە « ساھىب » ۋە « مەزالىم » لارنىڭ « ئۇلۇغ ھاجىپ » مەنسىپىدىكى يۈسۈپنىڭ قەلىمى ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقى « ساھىبۇلمەزالىم ۋەلھەكەم » لەرنىڭمۇ « ئۇلۇغ ھاجىپ » لارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدىكى خادىملار ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا غەربىي قاراخانىلارنىڭ پايتەختى بولغان سەمەرقەندتە يەنە « قازى قۇزات » (باش سوتچى) بىلەن « قازى ئەسكەر » (ھەربىي سوتچى)لەر بار ئىدى. ئەمما شەرقىي قاراخانىلاردا بولسا، ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەدلىيە خادىملىرى غەربىي قاراخانىلاردىكىدەك « ساھىبۇلمەزالىم ۋەلھەكەم » دېيىلمەي « قازى ۋەلھەكەم » (سوتچى ۋە ھاكىم) دېيىلەتتى. بۇ بىزگە جامائەت قانۇنى تەلىماتىنىڭ قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا تارقىلىپ ئۆزلەشكەنلىكىنى، شەرقىي قىسمىغا بولسا تېخى يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. يۇقىرىدىكى تارىخىي پاكىتلار ۋە مۇلاھىزىلەردىن كېيىن
قاراخانىلاردىكى « ھاجىپ » لارنىڭ خاراكتېرىنى تۆۋەندىكى سىخىما بويىچە چۈشىنىشكە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. ھاجىپ
يۇقىرىدىكى سىخىمىدا كۆرسىتىلگەن « ساھىبۇل رادىد » ۋە « ۋالئەل جارائىم » لار ھەققىدە « قۇتادغۇبىلىك » ۋە باشقا قاراخانىلار تارىخىغا ئائىت مەنبەلەردە ھازىرغىچە مەلۇمات ئۇچراتمىدۇق، ئەمما بىزچە « تۈركىي تىللار دىۋانى » دە قەيت قىلىنغان « چاپتىقان ئەر » دەپ ئاتالغان گۇناھكارلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئەمەلدار شۇلارنى، « چاۋۇش » دەپ ئاتىلىپ ئارمىيە ئىچىدىكى قانۇنسىزلىق ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەنسەپدار « قازى ئەسكەر » نى كۆرسەتسە كېرەك. بۇ سىخىما بىر تەرەپتىن قاراخانىلاردىكى « ھاجىپ » لارنىڭ قانۇن جەھەتتە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنىڭ دائىرىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى مۇئەسسەسلەرنىڭ ئارىسىدىكى پاراللېللىقنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇبىلىك » تە، « ھاجىپ » لار-
نى بەگ ۋە ۋەزىردىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. «ئۇلۇغ ھاجىپلىققا قانداق كىشى لازىملىقى توغرىسىدا» مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىپ، ھاجىپلارنىڭ شەرتلىرى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە كەسكىن يوليورۇقلار بېرىدۇ، بۇيرۇقلار قىلىدۇ، «ھاجىپ» سۆزىنى 47 بېيىتتا تىلغا ئالىدۇ (37). «ئۇلۇغ ھاجىپ» لىق سالامىيىتى بىلەن «شەرىئەت» كە كۆرسەتتە بېرىدۇ، «شەرىئەت» نىڭ بولغانلىقىدىن قاتتىق كايىيدۇ. «شەرىئەت» دېگەن سۆزنى سەككىز جايدا تىلغا ئالىدۇ (36). «قازى» لارنىڭ ۋەزىپىلىرى (32). «مۇختە سىنىپ» لەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنى كۈچەيتىش لازىملىقى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئاللا تەرىپىدىن زىنا، تۆھمەت، ئوغرىلىق، ھاراق ئىچىش، بۇلاڭچىلىق ۋە دىنغا ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا مەخسۇس بەلگىلەنگەن جازالاردىن بولغان ئىلاھىي جازا — «ھەد» نى تىلغا ئالىدۇ. (40). «خەلپەت» ۋە «مۇئەززىم» لەر ھەققىدە گەپ قىلىدۇ. (41). «ھاجىپ» لارنىڭ خىزمەت ئوبيېكتلىرىدىن بىرى بولغان «زۇلۇم كۆرگۈچى» لەرنى «مەزالىم» دەپ ئاتايدۇ (42).
«مەزالىم» — ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ، كورسۇن ئۇنى خەت مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئەرز قىلماق، دەرد ئېيتماق، شىكايەت قىلماق، ئىزھار قىلماق دېگەننى بىلدۈرىدۇ. كەڭرەك مەنىسى بويىچە چۈشەنگەندە سىياسىي جەھەتتىكى ئابرويلۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكالەتچىلىرىنىڭ يۈرگۈزىدىغان سوت قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ (40). تىلشۇناس مۆمىن ئابدۇللا «مەزالىم» نى «زۇلۇم»، «ئەدلىيە ئىدارىسى» دەپ ئىزاھلايدۇ (44). «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەزمە نۇسخىسىنى ئىشلىگۈچىلەر ئۇنى «زۇلۇم كۆرگۈچى» دەپ ئىزاھلايدۇ. ئۇ كورسۇندا mazalim، مۆمىن ئابدۇللادا mezalim، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مىللەتلەر
نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نۇسخىسنىڭ ترانسكرىپىيىدە mazalim شەكلىدە ئۇچرايدۇ. ناۋادا بىز «قۇتادغۇبىلىك» تە ئۇچرايدىغان «مەزالىم» سۆزىگە يەنە شۇ «قۇتادغۇبىلىك» دىكى «ئول»(45) دېگەن باغلىغۇچى بىلەن «ئىگىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ساھىب»(46) سۆزىنى قوشىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا مۇنداق بىر فورمۇلا كېلىپ چىقىدۇ: ساھىب + ئول + مەزالىم = ساھىبۇلمەزالىم. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دىكى «مەزالىم ۋاقتى» شەكلىدىكى قەيتى بىلەن بىزنىڭ بۇ فورمۇلىمىز قاراخانىلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن «مەزالىم» (ئەدلىيە ئىدارىسى) غا كېلىپ دەۋا سوراشقا بىۋاسىتە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك» تە خاتىرىلەنگەن زۇلۇم يەتتى دەپ ئادالەت تىلەپ دەۋاغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىشىنى ساقلاتماي، پىچاقنىڭ نەرسىنى كەسكىنىگە ئوخشاش تېز كېسىپ، تېز ھەل قىلىپ بېرىش ھەم شېكەر يېگەندەك سۆيۈندۈرۈپ قايتۇرۇۋېتىشتىن (47). ئادالەتتىن يىراقلىشىپ، پۇقراغا كۈچ ئىشلىتىپ زۇلۇم قىلغۇچىلارغا قاپاقنى تۈرۈپ يۈزسىزلىك قىلىش، ھۆكۈم قىلغان چاغدا ئۇراغۇن (زەھەر) ئىچكەندەك قىلىۋېتىش(48) توغرىسىدىكى قەيتلەر بىلەن قوشۇلۇپ، «مەھكىمە مەزالىم» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىز ئالاھىدە ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا روھىي تۈۋرۈك بولۇپ تۇرغان «جامائەت قانۇنى تەلىماتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىكى قانۇنچىلىقىغا جانلىق تەتبىق قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. «تارىخى خاتىرىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يۈسۈپ خاس
ھاجىپ قانۇن-تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىش، ئاقچا ۋە مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش، سودا ۋە قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، دېھقان ۋە چارۋىچى خەلقلەر مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۆلەملىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان «(49) ئىدى. ئۇ، «مەھكىمە شەرئى» لەرنىڭ ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلىشالايتتى. خان، بەگلەرگە قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپلەر ۋە مەسلىھەتلەرنى بېرەتتى. قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىللىقتىن چەتنىگەن، قانۇننى ئۆزى تۈزگەن تۇرۇقلۇق ئۆزى بۇزىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەم ئەدلىيە خادىملىرىنى باشقۇرۇشقا قۇربى يېتەتتى، ھەتتا بەزىلىرىنى تۇتۇپ جازالىيالايتتى. بۇ پىكرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى كىتابخانلارنىڭ سەمىگە سېلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تۈركىيە ئالىمى رەشت رەھمىتى ئارات تەرىپىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىلغان ترانسكرېپىيىلىك تېكىست ئىچىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە لىرىكا بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى بولغان «يىگىتلىككە ئېچىنىپ قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» نىڭ بىر يېرىدە، ئۇ، «ئەيسا بولۇپ كۆككە ئۇچۇپ چىقتىم. نوشىرۋاندەك ئادىل قانۇن يۇرۇتتۇم» دېسە، يەنە بىر يېرىدە «قانچىلىغان كىشىلەرگە كايىدىم، ئۇلارنى تىللىدىم، گۇناھسىزلارغا قولۇمنى ئۇزارتتىم. كىشىلەرنى تۇتۇپ زورلۇق ئىشلىتىپ پۇلىنى ئالدىم، بىرىگە ئازار بەرسەم، يەنە بىرىنى رەنجىتتىم» دەيدۇ (50). ھەممىگە مەلۇمكى، خان، بەگلەرنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى قانۇن ھېسابلىنىدىغان ئاشۇ فېئوداللىق ئىجتىمائىي تۈزۈمدە دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، قانۇنىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى قانداق ئىجرا قىلىش مەسىلىسىنى خان، ۋەزىر ياكى
ھاجىپقا ئوخشاش پۇقرالارنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرز شىكايەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ھوقۇقلۇق خادىملار ئاغزىغا ئالمىسا باشقا ھەرقانداق بىرەر شەخسنىڭ ئاغزىغا ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قانداقتۇ « نوشىرۋاندەك ئادىل قانۇن يۈرۈتۈش » (قانۇن تۈزۈش)، كىشىلەرنى « ئۇرۇش » (تەن جازاسى بېرىش)، « تىللاش » (خورلاش ياكى ھاقارەتلەش)، « تۇتۇش » (قاماققا ئېلىش)، « كۈچەپ پۇلىنى ئېلىش » (مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش) قاتارلىق جىنايى جازالارنى قوللىنىشتىن ئېغىز ئېچىشقا تېخىمۇ بولمايتتى. بىلىمىزكى، بۇ قەدىمدىمۇ، ھازىرمۇ پەقەت ھۆكۈمران سىنىپلار ۋە ئۇلار تەرىپىدىن پەۋقۇلئاددە ھوقۇق بېرىلگەن مەخسۇس ئەدلىيە ۋە قانۇن خادىملىرىنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش، مۇشۇ نۇقتىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى يەنە بىر قېتىم، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ھۆكۈملەشكە توغرا كېلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن جامائەت قانۇن تەلىماتى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىدا دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغايدىغان بىر مەسىلە بار. يەنى ئۇ بولسىمۇ « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ 85-بابى — « ئېلىكنىڭ ئۆگدۈلمىشكە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى بايانى » دا، ئۇنىڭ « خەلقتىن ۋاپا كەتتى، جاپا غولدىدى، ئىشەنچ قىلغۇدەك بىرمۇ كىشى قالىدى » دېگىنى، كىتابىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككىنچى لىرىكا — « زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى توغرىسىدا » دا: « ئەگەر ئىشەنچ، ئەمىنلىك ئانت (قەسەم) بىلەن ئىشقا ئاشىدىغان بولسا، بۇ ئانتنى تۇتقۇچى كىم؟ ئۇنى مەن ئەر ئاتاي » دېگىنى شۇنداقلا 71-بابى — « ئودغۇرمىشنىڭ ئېلىككە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانى » دا: « غۇبار، چاڭ - تۇزاندىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت، ئۇلۇغ مەڭگۈ
يۇرت كۈت، سۈزۈك مەڭگۈ ئەل كۈت» دېگەنلىكىدۇر (51). بۇ قەيتلەرنىڭ مۇھىم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىدا گۇمان يوق، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «مەھكىمە شەرئى» نىڭ ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە يولغا قويۇلغان «قەسەمنى دەلىل-ئىسپات ئورنىدا قوللىنىش» تىن ئىبارەت ئۆلۈكلۈك ۋە قاتماللىق كېيىنكى دەۋرگە كەلگەندە بارا-بارا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. مىسال ئۈچۈن تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان زىنا قىلىش جىنايىتىنى ئالساق، ئۇنىڭدىكى دەلىل-ئىسپات پەقەت بىراۋنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تۆت كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئارقىسىدا تۇرغۇزۇلۇپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن بۇنداق ئۆلۈك ھالدىكى ئىسپات ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ بەلگىلىنىشى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا كۆپلىگەن ناھەق-چىلىقلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق ئىسپاتلارنىڭ تەڭدىن تولىسى شۇ خىل تەستە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان گۇۋاھلىق بېرىش مەسئۇلىيىتىنى دەۋاگەرگە مەجبۇرىي تاڭىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى يۈزى قېلىن شەرمەندە زىناخورلار ئۆزلىرى جەزمەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان دەۋا مەسئۇلىيىتى ۋە جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن يەڭگىللىك بىلەن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ-دە، بۇ ئارقىلىق «مەھكىمە شەرئى» ھېچ بولمىغاندا، قانۇننىڭ مەلۇم ساھەلىرى بويىچە دەۋاگەرلەرنى تولۇق رازى قىلالمايدىغان ئورگانغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا قاراخانىلاردا ئەنە شۇنداق ئىشەنچ، ئەمىنلىكىنى قەسەم قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بوپقالغاچقا خانلىقتا «مەھكىمە شەرئى» دىن باشقا يەنە «مەھكىمە مەزالىم» نىڭەۋ تەسىس قىلىنىشى زۆرۈر بوپقالغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى ۋە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 16 - بابى-
«بەخت - دۆلەتنىڭ سۈپىتى توغرىسدا» دىكى كونا نەرسىلەرنىڭ يېقىمسىز بولىدىغانلىقى، پۈتۈن تەم ۋە لەززەتنىڭ يېڭى نەرسىدە بولىدىغانلىقى، ئىنسان شۇ لەززەتنى ئىزدەپ كۆپ قىينىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەنىلىك، قاراتمىلىق قەيتلىرى ئۇنىڭ مانا مۇشۇ «مەھكىمە مەزالىم» دىن ئىبارەت يېڭى شەيئىنى قوبۇل قىلىش كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ، «مەھكىمە شەرئى» لا بولسا، قەسەم قىلىش بىلەن ئىشەنچ ۋە ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن يېڭى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىزگە ئۇقتۇرىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «يېڭى نەرسە» دەۋاتقىنى «جامائەت قانۇن تەلىماتى» بىلەن «مەھكىمە مەزالىم» دۇر.
تارىخىي تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ئۆتكۈر، ئەقىللىك، قابىلىيەتلىك، تۈز كۆڭۈل، ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ كۈشەندىسى كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىختا يەنە ئاقىللاردىن ياخشى كۈنگە قالغانلىرى ناھايىتى ئاز. خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك: «بۇ جاھان بىلىمسىزلەرگە جەننەت، ئۇلار ھۇزۇردا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ھەرقانداق زاماندا ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدۇ، ئەكسىچە بۇ دۇنيا ئاقىللارغا تىكەن، ئاياغ باسسىلا سانجىلىپ تۇرىدۇ. بۇ دۇنيا بىلىملىك كىشىلەرگە بىر ئوغا، شۇڭا ئۇلار ئاش يېيەلمەي كۈچى ئاجىزلاپ بارىدۇ» (52). ئۇنىڭ دېگەنلىرى دەرھەققەت بولغاچقا، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ چىقارغان دانا يەكۈنىنىڭ سىرتىدا قالمىدى. شۇڭا ئۇ: «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» دا ئۆزىگە سوئال قويۇپ: «ھاياتقا پايدىلىق قانداق ياخشىلىقلارنى قىلدىم، تىرىكلىكتە قەيەرگە دان چاچتىم؟» دېسە، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «نېمە تېرىغان بولسام ئاخىر شۇنى ئوردۇم، نېمە ئورغان بولسام ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەمىنى تېتىتتىم» دەيدۇ. (53) يۈسۈپ
خاس ھاجىپ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ شۇغۇللانغان كەسپىنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ناھايىتى ئۆستىلىق بىلەن دېھقانغا ۋە دېھقاننىڭ ھوسۇل يىغقىنىغا ئوخشىتىپ، ئۆزى چاچقان دائدىن ئۈنۈپ چىققان زىرائەتنى ئۆزىنىڭ ئورغانلىقىنى، نېمە ئورغان بولسا شۇنىڭ تەمىنى ئۆزىنىڭ تېتىغانلىقى ئارقىلىق ئوبرازلاشتۇرىدۇ. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ ھەرگىز زىرائەت تېرىپ دېھقانچىلىق قىلدىغان ئىشلەمچى دېھقان ئەمەس بەلكى «قانۇن» ئۇرۇقىنى چاچقۇچى. ئۇنىڭ بۇ يەردە سۈرەتلەۋاتقىنى قانداقتۇر دېھقاننىڭ مول - ھوسۇلدىن كېيىنكى شادلىنىشتىن كېيىن كېلىپ چىققان ھۇزۇرلىنىش كارتىنىسى ئەمەس بەلكى، ئۆزىنىڭ قاراخانىلارنىڭ بوز يەرلىرىگە «قانۇن» ئۇرۇقىنى چېچىش ئارقىلىق سىڭدۈرگەن مېھنىسىتى بەدىلىگە كەلگەن ھالاللىقنىڭ ئاخىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن خارلىنىپ قالغانلىقىغا بولغان قاتتىق بۇشايمان، ئۆكۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ، نارازىلىق، مانا مۇشۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىتابخانلارغا دېمەكچى بولغان راست گېپىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر. بۇ يوشۇرۇن مەنە ئۇنىڭ «بىلىملىك كىشى كىشەنلەگلىك بولۇپ، ئەركىن بۈرەلمەيدۇ، بىلىمسىزلەر تىلەككە بېرىلگەن بولىدۇ. ئالىم سەن كىشەنلەندىڭ، بىلىمسىزلەر بولسا ئەركىن-ئازاد يۈرۈۋاتىدۇ» دېگەنلىرىدە يېشىلىدۇ (54).
«قۇتادغۇبىلىك» كە ئىلاۋە قىلىنغان 2-لىرىك پارچە — «زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى» دا، خۇداغا تېۋىنىپ ئېيتىلغان «ئىگەم، ۋاپاسىزغا ئۇچراپ مۇڭغا چۆمدۈم، كىم ۋاپالىق بولسا، شۇنىڭغا شېرىن جېنىمنى بېرەي» (55) دېگەن سۆزى بىزگە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بىر ۋاپاسىز، نائەھلى ھۆكۈمراننىڭ ئىلكىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇ مانا مۇشۇنداق چاغدا «مەن كىمگە كۆڭۈل بېرەي، دەردىمنى كىمگە ئېيتاي. مەن مۇڭلاندىم،
ئەمدى بىرئاز مۇڭ تۆكەي» (56) دەپ خۇداغا يىغلايدۇ. «ئەگەر ۋاپالىق، سېخىي ئەرتاپا، ئۇنى يەلكىسىدە يۈدۈپ، كۆزىگە سۈر» مەكچى، «تاپالمىسا ياۋايى كېيىك بىلەن ئۆمۈر سۈر» مەكچى، «ئوت-كۆكنى يېمەكلىك، يامغۇرنى سۇ، قۇمنى تۆشەك قىلىپ، تاغار تون كىيىپ» يۈرمەكچى، ياكى «ۋەھشىيلىشىپ باياۋاندا يۈگۈرۈپ، كىشىدىن يىراقلاپ، جاھاندىن يىت» مەكچى، «ئەگەر ئۈمۈ بولمىسا، بۇ دۇنيانى تاشلاپ ئېقىندەك ئېقىپ، شامالدەك ئۈچ» ماقچى، ياكى ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، «بۇنداق ياخشىلىق تاپالمىغان شەھەر-يۈرتنى تاشلاپ، كىشىلەردىن قاچ» ماقچى، ياكى ئۆزىگە «جەبر - جاپالار كەلمىسۇن» ئۈچۈن. «بۇ گۈستاخ پەسلەردىن يىراقراق تۇر» ماقچى بولىدۇ (57). ئۇ بۇ چاغدا ئۆزىنى «خاس ھاجىپ» لىق مەنسىپى بىلەن ئەمەس بەلكى يۈسۈپ بىلەن ئاتايدۇ ھەمدە «ئېتىمنى بىلمىسۇن، مېنى كۆرمىسۇن، تىلەپ تاپمىسۇن» دەپ قاتتىق خىتاب قىلىدۇ (58). ئۆز زامانىسىنىڭ ئادەملىرىدىن ئىخلاسى شۇنچە يېنىپ كەتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ناھايىتى زور ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە دەۋردىن بىزار بولغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنە دۆلەتكە ھەم ئۆزىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆز-ئۆزىگە: «تەلۋە ياكى ئەخمەق بولۇپ ئاينىدىمۇ ياكى سەۋدا كۈچىيىپ مېگەم بۇزۇلغانمۇ؟ ياكى ئەھۋال كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈندىمۇ؟ ياكى شۇنداق كىشىلەر ماڭا دۇچ كەلدىمۇ؟ ياكى ئۆزۈم تەتۈرمۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ (59). نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئادەملەر ھەققىدە چىقارغان يەكۈنلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ، ھەم «ماڭا بۇ جاھىللار ئارا ئەلەم يەتتى» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ (60). ئاخىرىدا غەيرەتكە كېلىپ «ھېلىمنى تۆرگە ئۆتكۈزۈپ، جاھىلنى سۈرۈپ»، يېڭىباشتىن «قانۇن-پوسۇنلارنى
تۈز « مەكچى، ئۆزىنىڭ « ئاداش قولداشلىرى ئىچىدە ئىشەنچلىكلەر بولسا، بۇنى بەگ قىلىپ » تىكلەپ، ئۇنىڭغا شەخسەن « ئۆزى قۇل بول » ماقچى بولىدۇ. (61) بۇ — ھەم يامانلارنى يوق قىلىپ ياخشىلارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرىدىغان ئىسلاھاتچى روھى، ھەم ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەي ئەل نەپسىنى كۆزلەپ، ئەلنى روۋناق تاپقۇزىدىغان پەزىلەت ئەھلى روھىدۇر.
قىسقىسى، مانا مۈشۈ روھقا ۋەكىللىك قىلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » تە كۆپ قېتىم شەرھلىگەن دۆلەت، ھوقۇق، قانۇن ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرىگە ئائىت ئىدىيىلىرى ئۇنى قانۇنشۇناس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىسە، بىزنىڭ يۇقىرىقى مۇھاكىمىلىرىمىز بىلەن « قۇتادغۇبىلىك » تە خاتىرىلەنگەن « قانۇن ۋە يوسۇن ناھايىتى نازۇك ئىشتۇر. ھاجىپ بولغان كىشى ئۇنى رەتلەپ ئىشىك ئاچىدۇ » (62) دېگەن قەيتلەر ئۇنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام قانۇنچىلىق تارىخىدا بارلىققا كەلگەن « جامائەت قانۇنى تەلىماتى » نى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىكى قانۇنچىلىقىغا جانلىق تەتبىق قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان قەدەم-باسقۇچلار بويىچە ئىش كۆرگەن ئادىل قانۇنچى ھەم « ئەرز سۈنۈپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرى سوتى » نىڭ ئادىل رىياسەتچىسى دەپ بېكىتىشىمىزنى ئەمەلىي ئاساسلايدۇ.
(1) سۇلتان ئەخمەد ئۆمەر: « يەمەننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات تارىخىغا بىر نەزەر » (نخازەفى تەلورالىجتىج اليمنى). بېيجىڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە. 1975-يىل 9-ئاي 1-نەشرى، 75-، 76-بەتلەر.
(2) يۇقىرىقى كىتاب، 54-، 55-بەتلەر. (3) مۇستەفامۇھەممەد ئەمارە: « سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى
ۋە قەستەلانى شەرھى». ماللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە، 1981-يىلى 10-ئاي 1-نەشرى، 127-، 128-بەتلەر، (4) فىلىپ، كەھىتتى: «ئەرەب قىسقىچە تارىخى»، خەنزۇچە، (ARABS A SHORT HISTORY(THE) خەنزۇچە. شاڭۋۇ نەشرىياتى 1973-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى، 76-بەت، (5) زارىپ دۇلات: «ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىدىكى كۆرۈنەرلىك نامايەندە — X ئەسىر ئېنسكىلوپىدىتستلىرى توغرىسىدا»، شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى (ئىجتىمائىي پەن قىمى) 1980-يىل 3-سان 15-بەت، (6) تولۇق ئىسمى ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ، ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ شۇ چاغدا ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيى، (7) ئەھمەد ئەمىن: «ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى» خەنزۇچە، شاڭۋۇ نەشرىياتى 1982-يىل 10-ئاي 1-نەشرى، 1-توم 196-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل، (8) خامىلتۇن، ئا. گىببى: «ئەرەب ئەدەبىياتى» (قىسقىچە تارىخى) ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 10-ئاي 1-نەشرى، 61-بەت، (9) فىلىپ ھىتتى: «ئەرەب قىسقىچە تارىخى» خەنزۇچە، شاڭۋۇ نەشرىياتى 1973-يىل 1-ئاي دەسلەپكى نەشرى، 118-، 119-بەتلەرگە قارالسۇن، (10) ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپى ئىچىدىكى مەشھۇر ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. تولۇق ئىسمى ئەبۇ ھەنەفەئەل نومان ئىبن تاخابت، مىلادى 699-يىلى كۇفەدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەۋرىدە شەرىئەتشۇناس خامات ئىبن ئابى سۇلايمان ( ؟ — 738) ھەم كۇفەلىك مۇدەررىس ئامىرئىبن شاراخىل شابى ( ؟ — 728) لاردىن بىلىم ئالغان، ئىمام جەففەر سادىق (700 — 765) نىڭ شاكىرتى، 767-يىلى ۋاپات بولغان، ھەنەفى مەزھىپى «قۇرئان» غا ئاساسلىنىدۇ، «ھەدىس» نى ئېھتىياجىغا
قاراپ قوللىنىدۇ، «قىياس» قا ئەھمىيەت بېرىدۇ، «ئىژما» غا جانلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى ئەبۇ بۈسۈپ (731 — 798) ۋە مۇھەممەد ئىبن ھەسەن شەييانى (749 — 805) قاتارلىقلاردۇر.
(11) فىلىپ ھىتتى: «ئەرەب قىسقىچە تارىخى»، شاڭۋۇ نەشرىياتى، 1973-يىلى 1-ئاي دەسلەپكى نەشرى، 148-، 149-بەتلەر.
(12) موللامېرسالە قەشقەرى: «چىڭگىزنامە». ئۇيغۇرچە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 50-بەت، (13) بۇ ھەقتە كەڭ، فىدروۋنىڭ: «چەت دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇن تارىخى» دېگەن كىتابىنىڭ 9-بابى — «ئەرەب خەلىپىلىك دۆلىتى» گە قارالسۇن، جۇڭگو خەلق داشۆسى قانۇن فاكۇلتېتىدىن يې جاڭلياڭ رۇسچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان تەرجىمىسى، 1984-يىلى 7-ئاي شېفكراف باسمىسى 6-بەت، (14) سەئىد فەيياز مەھمۇد: «ئىلام دىنى قىسقىچە تارىخى»، خەنزۇچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1981-يىل 3-ئاي 1-نەشرى، 112-، 113-بەتلەر.
(15) بۇ ئەرەبچىدە «المۇتا زىلە» دېيىلىدۇ. مەنىسى بۆلۈنۈپ كەتكۈچىلەر دېگەنلىك بولىدۇ. ئاساسلىق ۋەكىللىرى ۋاسىل ئىبنى ئاتا (699 — 748) بىلەن ئەمىر ئىبنى ئۆبەيد (699 — 761) لەردۇر. بۇ ئىككىيلەن ئەسلىدە ھەسەن بەسىرە (تولۇق ئىسى الھەسەن ئىبن ئەبى الھەسەن ئالبەسىرى) نىڭ شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، بىر قېتىم ئىلىم مۇتائىلە قىلىۋاتقىنىدا ئاتىكاچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن دەرسخانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئايرىم مەزھەپ بولۇپ شەكىللەنگەن.
(16) ئىلام دىنىدىكى مەشھۇر تۆت ئىلمىي مەزھەپنىڭ بىرى بولغان ھەنبىلى مەزھىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. ئۇ مىلادى 780-يىلى باغدادتا تۇغۇلغان. ئىمام شافىدىن فېھقى بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن.
ئىمام شافى مىسىرغا كەتكەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەلىمات ياراتقان، مىلادى 855-يىلى باغمادتا ۋاپات بولغان. (17) «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 1982-يىلى 2-سان، خەنزۇچە، 27-بەت،
(18) كورسۇن: «ئىسلام قانۇنى تارىخى». خەنزۇچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1986-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 100-بەت. (19) تارىخىي قەبىتلەرگە قارىغاندا بۇ ئەدەبىيات شەكلىنى ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مەرۋان II نىڭ ۋەزىرى ئابدۇلھېمت ئىبنى يەھا (ۋاپاتى 750-يىل) نىڭ پارس شاگىرتى روزبى (يەنە بىر ئىمى ئىبنى مۇقپە، 757-يىلى ۋاپات بولغان) ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شاھزادىلەر، ئوردا خىزمەتچىلىرى، ۋەزىر-ۋۇزۇرالار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا ئوچۇق نىزاملار بەلگىلەنگەن، ئەخلاقىي قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىتىش ۋە ئۇنى مەدھىيىلەش رولىنى ئوينىغان. بۇ ھەقتە خامىلتۇن. ئا. گىببىنىڭ «ئەرەب ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابىنىڭ 86-، 87-بەتلىرىگە قارالىۋان.
(20) ئىسلام دىنىدىكى تۆت ئىلمىي مەزھەپنىڭ بىرى. پەلەستىننىڭ ھاززا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان مەككە قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ھاشىملار ئۇرۇقىدىن بولغان ئىمام مۇھەممەد ئىبن ئىدىرىس شافى (767 — 820) بۇ مەزھەپنىڭ ئاساس سالغۇچىسىدۇر. بۇ مەزھەپتىكىلەر قانۇن تۈزگەندە مالىك ۋە ھەنەفە مەزھەپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، «ھەدىس» بىلەن «قىياس» نى بىرلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ئەمما «قىياس» قا قاتتىق چەك قويىدۇ، «ئىژما» غا مالىك مەزھىپىگە قارىغاندا بەكرەك ئەھمىيەت يېرىدۇ. ئاساسلىق دەستۇرى «شەرىئەت» توغرىسىدىكى «رىسالە» سىدۇر. (21) ئىسلامىيەتتىكى ئىپتىدائىي ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاساسىي مەزھەپ، بۇ مەزھەپتىكىلەر ئەبۇبەكرى (خەلىپىلىكتە ئولتۇرغان ۋاقتى مىلادى 632—634)، ئۆمەر (634—644)، ئوسمان
(644-656)، ئەلى (656-661) قاتارلىقلارنى قانۇنلۇق خەلىپىلەر دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. «شەرىئەت» تە ھەنەفى، شافى، مالىك ۋە ھەنبەل تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىدۇ. تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، دۇنيادىكى مۇتلەق زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار مۇشۇ مەزھەپكە كىرىدۇ.
1(22) كورسۇن: «ئىسلام قانۇنى تارىخى». خەنزۇچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1986-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 105-بەت.
(23) كورسۇن: «ئىسلام قانۇنى تارىخى». خەنزۇچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1986-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 107-، 108-بەتلەر.
(24) ھەسەن ئىبراھىم ھەسەن: «ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە ئىسلام شەرىئىتى» دە «ئىبنى خەلدۇن مۇقەددىسى» نىڭ 193-يېتىدىن كەلتۈرۈلگەن نەقىل. بۇ ھەقتە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى خەنزۇچە 1982-يىل 2-سان 31-، 32-بەتلەرگە قارالسۇن.
(25) يۇقىرىقى مەنبەدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. (26) يۇقىرىقى مەنبەدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
(27) كورسۇن: «ئىسلام قانۇنى تارىخى»، خەنزۇچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1986-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 105-بەت.
(28) يۇقىرىقى كىتاب.
(29) ئەسلى ئىسى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى قۇس بولۇپ، سەلجۇقىيلار خاندانلىقىدا ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ۋە «سىياسەتنامە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقى ئۈچۈن «نىزامۇلمۇلك» (مەملىكەتنىڭ نىزامى) دەپ ئاتالغان. 1092-يىلى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. (30) تولۇق ئىسى ئۇبۇل فەيزى مۇھەممەد ئىبنى ھۆسەيىن
بەيھقى (996 — 1077) دۇر. غەزنىۋىلەر خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى سۇلتان مەھمۇد (998 — 1030) ۋە سۇلتان مەسئۇدنىڭ خارجى ۋەزىرى بولغان. ئۆمرىدە 30 تومدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان، ئەمما بۇنىڭدىن سۇلتان مەسئۇد (مىلادى 1030-يىلى) نىڭ ۋەقەلىرىگە ئائىت يېزىلغان «مەسئۇدىلار تارىخى» دېگەن كىتابىلا دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
(31) سەئىد فەيياز مەھمۇد: «ئىلام دىنى قىسقىچە تارىخى»، خەنزۇچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1981-يىل 3-ئاي 1-نەشرى، 192-، 193-بەتلەر.
(32) ھاجى نۇرھاجى: «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 7-ئاي 1-نەشرى، 54-، 55-ۋە 52-بەتلەر.
(33) «قۇتادغۇبىلىك»، 2432-بېيىت. (34) «قۇتادغۇبىلىك»، 574-، 575-بېيىتلار. (35) «قۇتادغۇبىلىك»، 520-بېيىت.
(36) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 1-توم 490-بەت. (37) «قۇتادغۇبىلىك»، A 27، A 28، C 35، B 62، B 63، 505، 507، 509، 512، 520، 521، 522، 523، 526، 529، 530، 538، 553، 559، 560، 562، 568، 574، 576، 577، 578، 580، 2431، 2432، 2436، 2442، 2464، 2483، 2484، 2485، 2487، 2489، 2490، 2492، 2493، 2501، 2503، 2519، 2524، 2055، 2065، 2144-بېيىت.
(38) «قۇتادغۇبىلىك»، 54، 59، 89، 446، 2844، 4345، 5488-، 5552-بېيىت. (39) «قۇتادغۇبىلىك»، 5329-بېيىت. (40) «قۇتادغۇبىلىك»، 5555، 5588-بېيىت. (41) «قۇتادغۇبىلىك»، 4982-بېيىت.
(42) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5330 - ، 4364 - بېيىت. (43) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2499 - بېيىت. (44) كورسۇن: « ئىسلام دىنى قانۇنى تارىخى » ، خەنزۇچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1986-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 199-بەت. (44) مۆمىن ئابدۇللا: « تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت » ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1989-يىل 11-ئاي 1-نەشرى 549-بەت. (45) « قۇتادغۇبىلىك » ، 3010 - بېيىت. (46) « قۇتادغۇبىلىك » ، 3007 - بېيىت. (47) « قۇتادغۇبىلىك » ، 811 ، 812 ، 813 - بېيىت. (48) « قۇتادغۇبىلىك » ، 814 ، 815 ، 816 - بېيىت. (49) ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتشىن: « يۈسۈپ خاس ھاجىپ فارابى ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى » ، شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى (ئىجتىمائىي پەن قىسمى) 1981-يىل 1-سان 5-بەت، ئۇيغۇرچە. (50) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6550 ، 6538 ، 6543 - بېيىت. (51) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6466 ، 6588 ، 5425 ، 5426 - بېيىت. (52) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6382 ، 6383 ، 6384 - بېيىت. (53) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6556 ، 6555 - بېيىت. (54) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6614 ، 6615 - بېيىت. (55) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6574 - بېيىت. (56) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6581 - بېيىت. (57) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6569 ، 6570 ، 6571 ، 6572 ، 6573 ، 6599 ، 6603 - بېيىت. (58) ، (59) ، (60) « قۇتادغۇبىلىك » ، 6589 ، 6590 ، 6591 ، 6602 ، 6627 ، 6600 - بېيىت. (61) ، (62) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2490 ، 6586 ، 6594 - بېيىت.
تۆتىنچى باب: يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى ئۆزى ياشىغان ئىسلام مۇھىتى ئاستىدا قانۇن ئارقىلىق تۈزەش بىلەن ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، قاراخانىلار دەۋرىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە تاقالغان. يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى، كونا ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلارنى ئىسلاھ قىلىپ ياخشى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش
كونا ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلارنى ئىسلاھ قىلىپ ئەلنى ياخشى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش — يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت ئاپپاراتىنى ئىسلاھ قىلىش ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ بالدۇرقى قانۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭ ئىلغار ۋە ئادىل بولغان تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋارىسلىق قىلىش، چەت ئەلدىكى بەزى قانۇن ئىسلاھاتچىلىق ھەرد-
كەتلىرىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، قاراخانىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدىكى زامانغا لايىقلىشالمايۋاتقان تەرەپلەرنى بىكار قىلىپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش، قانۇننى ئەقىل-ئىدراك ۋە بىلىم بىلەن تۈزەش، تۈزۈلگەن ئەنە شۇ ياخشى قانۇنلار بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «ئادەمزات دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاقىللار ياخشى قانۇن تۈزۈپ كەلگەن. جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم بولغان بولسا، شۇلار قانۇننى ياخشى تۈزگەن، قايسى بەگ دۆلىتىدە قانۇن تۈزۈپ يولغا قويالغان بولسا، شۇ دۆلىتىنى ئوبدان تەرتىپكە سالغان ۋە تەييارلىق قىلىپ تىرىكلەر ئۈچۈن ئۇنى پۈتۈپ قويغان. بۇ ياخشى قانۇنلار (ئاندىن) كېيىنكىلەرگە مىراس بولۇپ قالغان. (بۈگۈنكى كۈندە) كىم ئۇنى ئۇقۇپ بىلەلسە ۋە قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلالسا، ئۇنى ئۈلگە قىلىپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ يۇقىرى ئۆرلىيەلەيدۇ.» (1)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھ نۇشىرۋاننىڭ دۆلەتنى ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرۇپ، ئەلنى قۇدرەت تاپقۇزغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «نۇشىرۋان ئەقىل كۆزى بىلەن جاھاننى يورۇتۇپ قانۇننى توغرا تۈزگەنلىكى ئۈچۈن دۆلىتى بېيىغانىدى. (شۇڭا) بىر ھېكىم: ئۇ دوزىخى بولسىمۇ شۇ قىلغان ساۋابى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىيامەت ئازابى بولمايدۇ، دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان.» (2)
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان نۇشىرۋان (خۇسراۋ 1دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 531 — 578) غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت — پاتىيا خاندانلىقى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 247-يىلدىن مىلادى
224-يىلغىچە) يېمىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا تىكلەنگەن ساسانىلار سۇلالىسى (مىلادى 224 — 651) نىڭ يىگىرمىنچى ئەۋلاد خانى بولۇپ، مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. بۇ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپلا « باج تۈزۈمى ۋە ھەربىي ئىشلارنى ئىسلاھ قىلغان. بارلىق تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىنىدىغان يەر بېجىنىڭ مۇقىم ئۆلچىمىنى بېكىتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىنىدىغان باج ۋە ئۇنىڭ نورمىسى ئەمەلدارلار ۋە يەرلىك فېئوداللار تەرىپىدىن خالىغانچە بېكىتىلەتتى. بۇ ئىسلاھات دۆلەت خەزىنىسىگە توپلىنىدىغان كىرىمنى ئاشۇرغان. نۇشىرۋاننىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئىسلاھاتى ساۋۇتلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن دېھقانلاردىن تولۇقلانغان پىيادە ئەسكەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇشتا بىر تەجرىبە بولغان. نۇشىرۋاننىڭ مۇشۇنداق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە خان جەمەتى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىپ، پۈتكۈل دۆلەت تېخىمۇ بەك قۇدرەت تاپقان»(3). يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى نۇشىرۋان ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئۇنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى قانۇن يېڭىلاش جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرى دەپ قارايدۇ ھەمدە قاراخانىلارنىڭ خانلىرىنىڭمۇ ئاشۇنداق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خەلقنى باي، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا دالالەت قىلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، قانۇن بىر قېتىم تۈزۈلۈپلا ئىككىنچىلەپ ئۆزگەرمەيدىغان قاتمال نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇ، قانۇننى زامان ۋە ماكانغا قاراپ ئۆزگەرتىپ داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشنى، ئۇستقۇرۇلمىدا بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، كونا ئادەت كۈچلىرىدىن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاشنى دائىم ئويلايتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرى كونا نەرسە، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرى يېڭى
نەرسىلەر ئىدى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: « بارلىق كونا نەرسىلەر يېقىمسىز بولىدۇ، يېقىمسىز نەرسىلەر كۆڭۈلسىز بولىدۇ. يېڭى نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا كونا نەرسىلەرنىڭ كېرىكى يوق، سەرخىل نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا ناچار نەرسىلەرنىڭ كېرىكى يوق. پۈتۈن تەم ۋە لەززەت يېڭى نەرسىدە بولىدۇ، كىشىلەر بۇ لەززەتنى ئىزدەپ كۆپ قىينىلىدۇ. بۇنداق دېسەم باشقىلار مېنى تۇراقسىز ئىكەن دەپ ئەيىب قويۇشىدۇ. تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىب ئەمەس، مەن ئۆزۈمگە داۋاملىق يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى تاللاپ قوبۇل قىلىپ تۇرىمەن.» (4)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە « يامان قانۇن»، « ياخشى قانۇن»، « قانۇننى يامان تۈزۈش»، « قانۇننى ياخشى تۈزۈش» دېگەن ئىبارىلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ « يامان قانۇن» دېگىنى — پۇقراغا زۇلۇم سېلىپ ئېكسپىلاتاتسىيىنى ياقلايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئەمىر-پەرمانلار؛ « ياخشى قانۇن» دېگىنى — ئەلدە ئېزىش ۋە ئېزىلىشنى تۈگىتىپ ھەممە تەبىقىلەر تەڭ-باراۋەر ياشايدىغان ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ھەر خىل ئەمىر-پەرمانلار ئىدى. ئۇ، قانۇننى مانا مۇشۇنداق « ياخشى» ۋە « يامان» دەپ ئىككى خىل كاتېگورىيىگە بۆلگەندىن كېيىن پۇقراغا پايدىلىق « ياخشى قانۇن» لارنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: « بۇ بەگلىكتە ئەگەر توغرىراق بىر قانۇن (تۈزۈلۈپ) يولغا قويۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. (بۇنىڭدىن كېيىن) ئەل ئىچىدە بىر كىم ئۈستۈن ئورۇن ئالسا ئەل ئۈچۈن بىر ياخشى قانۇن . تۈزسۇن. (كىمكى) ھەمشە بىر مەشھۇر بەگ بولاي دېسە قۇتلۇق قانۇننى تەدبىق قىلسۇن. قايسى بەگ بۇنىڭدىن
بۆلەك يول تۇتسا ئۇنىڭ بەگلىكى بۇزۇلار، نەسبىنى ئالالماس. كىم ئۆز دەۋرىدە يامان قانۇن تۈزسە، ئۇ كېيىن ئۆزىگە يامان ئات قويار، كىم ياخشى قانۇنلارنى بەرپا قىلسا، ئۇنىڭ شۆھرىتى تا ئەبەدكە ياشار. (شۇڭا) قانۇننى يامان تۈزمە، بەك ياخشى تۈز، (شۇ چاغدا) كۈنۈڭ ياخشى، بەختىڭ ئۇز بولغاي. بەگلەر، ھاكىملار يامان تەرتىپ ئورناتمىغاي. قانۇن يامان بولسا ئۇلار ھاكىم بولالماس. توغرا، قانۇن-نىزاملار باشقىغا تېگىشلىسە ياخشىلىقلار تامام بۇزۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا بىر يامان ئورنىغاي. (ئۇ چاغدا) خەلق زۇلۇم چېكىپ ھېچقانداق ھۇزۇر قالمىغاي، «(5)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ ئوردا زالىلىق ۋە زۇلۇم بىلەن بۇزۇلدى، تىرىكلەر ئاخىر ئاچلىق بىلەن ئۆلدى. بەگ غاپىل بولۇش، زۇلۇم سېلىش بىلەن ئەلنى بۇزار. زالىم بەگ بەگلىك دەۋرىنى سۈرەلمەس، (چۈنكى) خەلقى ئۇنىڭ زۇلۇمىنى كۆتۈرمەيدۇ. قانۇن بىلەن ئەل ئارتار، جاھان تۈزىلەر، زۇلۇم بىرلە ئەل كېسىپ جاھان بۇزۇلار.» (6)
ئۇ بۇ ئىدىيىسىدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھۆكۈمرانلىقنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، قانۇننىڭ رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئادىل قانۇن بىلەن گۈللىنىپ تۈزۈلىدىغانلىقىنى، زۇلۇم بىلەن ئاجىزلاپ بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىدۇ ھەم ھۆكۈمرانلارغا زالىم بەگلەرنىڭ بەگلىك دەۋرىنى ئۇزۇن سۈرەلمەيدىغانلىقىنى، پۇقرالىرىنىڭ زۇلۇمنى كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئۇقتۇرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تەكشىسىزلىكى تۈپەيلىدىنمۇ جىنايەت سادىر بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ ھەمدە
مۇشۇ خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جىنايەت مەنبەسىنى جىنايەتنىڭ سۈييېكتىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن ئىبارەت ئوييېكتىدىن ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى «قۇتادغۇبىلىك» تە ھازىر بىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ دەۋاتقاندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويۇلمىسىمۇ، «ئاللانىڭ ئىرادىسى» بويىچىلا يەتكىلى بولىدىغان تەڭلىكنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماي ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلق ئىچىدىكى باي، ئوتتۇرا ھال، يوقسۇللاردىن ئىبارەت ئۈچ تەبىقىنى قانداق قىلىپ تۇرمۇش سەۋىيىدە تەڭلەشتۈرۈپ بىر ھالغا كەلتۈرۈشنى پەقەت قانۇننىڭ ياردىمى بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان تۆۋەندىكى بايانلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ئاۋام خەلق ئۈچ گۈرۈھتۈر، ئۇلارنىڭ بىرى بايلار، ئىككىنچىسى ئوتتۇرا ھاللار، ئۈچىنچىسى خەلق يوقسۇللىرى، بايلار خەلقنىڭ كۈچلۈكىدۇر. ئوتتۇرا ھاللار بايلارنىڭ ئىشىنى قىلالمايدىغانلاردۇر. ھەممىدىن ئاۋۋال خەلق يوقسۇللىرىنى كۆزىتىش كېرەك. بايلارنىڭ يۈكىنى ئوتتۇرا ھاللارغا يۈتكۈزمەسلىك، ئوتتۇرا ھاللارنىڭ يۈكىنى يېقىرلارغا يۈتكۈزمەسلىك كېرەك. ناۋادا بايلارنىڭ يۈكى ئوتتۇرا ھاللارغا يۈتكۈزۈلسە، ئۇلار بۇزۇلۇپ خاراب ھالىغا چۈشەر. ناۋادا ئوتتۇرا ھاللارنىڭ يۈكى يېقىرلارغا يۈتكۈزۈلسە، يېقىرلار يىلتىزىدىن قىرىلىپ ئاچلىقتىن ئۆلەر، يېقىرنى كۆزەتسەڭ ئورتا بولۇر، بىرئاز تىنسا، ئوتتۇرا ھال بايلىق تاپۇر. يېقىر ئوتتۇرا ھال بولسا، ئوتتۇرا ھال باي بولۇر، ئوتتۇرا ھاللار باي بولسا، بۇ ئەل بېيىغاي، (شۇڭلاشقا) ئۇلارغا قانۇن بىلەن ئوبدان قاراش كېرەك.»(7) بۇ يەردىكى «يۈك» كەلمىسى ھەققىدە مەنبەلەردە ئېنىقراق بىرەر شەرھى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ شۇ چاغدا خان،
بەگ (خانلىق، بەگلىك كۆزدە تۈتۈلىدۇ) لەر تەرىپىدىن پۇقرالارغا سېلىنىدىغان ئالۋان-ياساق ياكى ئائىلە، ئادەم بېشىنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ئېلىنىدىغان باج-خىراجلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، قانۇن ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن تۈزۈلەتتى. ئەمما ئۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا شەخسىي مونوپولىيە قىلىۋالىدىغان خۇسۇسىي مۈلكى ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، دۆلەتنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق ئامىللار ئىچىدە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ياخشى قانۇن تۈزۈش ۋە ئۇنى ئەلگە ئاشكارا جاكارلاش — ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئامىل ئىدى. شۇڭا ئۇ، قانۇن-نىزاملار تۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەلگە ئاشكارا جاكارلاپ پۇقرالارنى ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇزۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەلنى تېخىمۇ ياخشى، ئاڭلىق ھالدا ئىدارە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «بەگلىكنىڭ ئىشلىرىنى بەگلەر بىلەر، قانۇن، تەرتىپ، ئادەت شۇلاردىن كېلەر. (شۇڭا) قانۇننى خەلقىڭگە ئوڭىچە يەتكۈز. ئەسنىلىك ۋە قانۇن ئەل راھىتىدۇر. خەلققە قانۇن تۈزۈپ بەر، ھۇزۇر ئەيلىسۇن. خەلققە قانۇندىن ئۇلۇش بەرمەك كېرەك، خەلقنىڭ كۆڭلى قانۇن بىرلە سۆيۈنسە، ئەل رەتكە چۈشۈپ بەگ قۇدرەت تاپار.»(8)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ بايانلىرىدا خەلققە قانۇن-يوسۇنلارنى قانداق ئۆگىتىش، قانداق يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى قانداق قىلىپ قانۇن يولىغا سېلىش مەسىلىلىرى نۇقتىلىق شەرھلەنگەن. ئۇلارنىڭ قانۇن ۋە يوسۇنلاردىن بىخەۋەر تۇرۇۋاتقان چاغلىرىدا قانۇنسىز ۋە يوسۇنسىز بولىدىغانلىقى، خەۋەردار بولغان ۋاقىتلىرىدا ئۇنداق بولمايدىغانلىقى ناھايىتى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ بۇ
ئىدىيىسىنى يەنە «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان ئودغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلىشنىڭ قانۇن-يوسۇنلارنى ئانداق ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى دىئالوگلىرى (بۇ ھەقتە كىتابسىزنىڭ ئىككىنچى بابىغا قارالسۇن) شۇنداقلا دېھقانلار، چارۋىچىلار، سودىگەرلەر، قول ھۈنەرۋەنلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە مېھماندارچىلىقنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ئىمتىياز دېگەن نەرسىلەر بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان تارقاق بىر قەبىلىنى قانداق قىلىپ ماكان تۇتۇپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا، بىرەر ھۆكۈمراننىڭ ئىتائىتى ئاستىدا ھۈنەر ۋە سودا-تىجارەتنى ئاساس قىلغان شەھەر ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەندۈرۈش مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخىي مەنبە ۋە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ماكانلىرىدىن بىرى بولغان تارىم ۋادىسىدا شەھەر تۇرمۇشنى خېلى بۇرۇنلا باشلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇرقۇن ۋادىسىدا ياشايدىغان شەرقىي ئۇيغۇرلاردا بۇ سەل كېيىنچىرەك بولۇپ، Ⅽ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئاندىن شەھەر، ئۆي-ئىمارەتلەر بەرپا قىلىنىپ يېرىم ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھالەت بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرگە ئوخشاشلا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان تاغدىن چۈشۈپ شەھەرگە كېلىپ ياشاش، شەھەر-كەنتلەرنى بىنا قىلىش، ئۆينى چوڭ يولغا يېقىن سالماسلىق، تاشار دەريانىڭ ياكى بەگنىڭ قوشنىسى بولماسلىق، ھىسارغا يېقىن تۇرماسلىق، ئۆي سېتىۋالماقچى بولسا قوشنىسىغا قاراش، يەر سېتىۋالماقچى بولسا
سۈيىنى تاللاش توغرىسىدىكى تۇرمۇشقا ئائىت مەلۇماتلار(9) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ چاغدا كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىدىن ئۆي-ئىمارەت سېلىپ، ماكان تۇتۇپ ئولتۇراقلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان ھالقىلىق پەيتتە تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەلۇم بولۇشىمچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋردە، ئۇرقۇن دەريا ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇپ، بىر بۆلۈك ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان تىيانشان ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشقىنىغا ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى يەنىلا ئاۋۋالقى كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە مانا مۇشۇ بىر دەۋرنىڭ ئەينەن ئەھۋالى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تارىخشۇناسلار كۆچۈپ يۈرۈپ يايلاق قوغلىشىپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئولتۇراقلىشىپ شەھەر دۆلىتى ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى زور ئىلگىرىلەش دەپ قارايدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى ناھايىتى ئاددىي بولىدۇ. شەھەرلەشكەندە يېڭى شەھەر دۆلىتى مەدەنىيىتى بارلىققا كېلىدۇ. تارقاقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەندە ئاھالىلەرنىڭ يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشى ئازراق، شەخسىي قەھرىمانلىق ئالامەتلىرى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. شەھەرلەشكەندە سودىگەرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى تېز بولىدۇ. يايلاق قوغلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن چارۋىچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاجىز بولىدۇ. شەھەرلەشكەندە ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىي ساپاسى ئاشىدۇ. سودىگەرلەر ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلمايدىغان خەلقنىڭ تىلى ئىپتىدائىي بولىدۇ، شەھەر دۆلىتى
خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنى قېلىپقا سېلىپ تۇرىدىغان قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى بىرقەدەر كۈچلۈكرەك بولىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلاردا بولسا ئاجىزراق بولىدۇ، شۇڭا ئېيتىمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئەينى زاماندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش رولىنى ئوينىغانىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ بىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلغارلىق ھەم يۈكسەك تەرەققىيەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئىككىنچى، قانۇن بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتى
قانۇن بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتى — مۇنداقچە ئېيتقاندا قانۇن بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، چەت ئەللەردىن تارتىپ جۇڭگوغىچە بولغان بارلىق قانۇنشۇناسلارنىڭ بىردەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە، شۇنداقلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسىدىمۇ كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىنغان چوڭ تېما، ئۇ، قانۇن بىلەن ھوقۇق (دۆلەت) نىڭ كېلىپ چىقىشى، تەبىرى، ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى، ھۆكۈمرانلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكى قاتارلىق پرىنسىپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پۈتكۈل قانۇنچىلىق ئىدىيىسىنىڭ جېنىدۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت ھەققىدىكى تەلىماتى دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەب ۋە زۆرۈرىيەتلەر، دۆلەتنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى ۋە شەكىللەنگەنلىكى، دۆلەتكە قانداق كىشىلەرنىڭ باش بولۇشى
كېرەكلىكى، قانداق كىشىلەر باش بولسا دۆلەت روۋناق تاپىدىغانلىقى. قانداق كىشىلەر باش بولسا دۆلەت مۇنقەرز بولۇپ تۈگىشىدىغانلىقى يەنى داھىيلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولى، دۆلەت ئورگانلىرىدا قانداق-قانداق مۇئەسسەلەرنىڭ بولۇشى لازىملىقى، بۇ مۇئەسسەلەرگە قويۇلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلۇغ ئۇستاز لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنىڭ دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر دەپ قارالغان ئارمىيە، ساقچى، تۈرمە، سوتتىن ئىبارەت تۆت ئامىل يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت تەلىماتىدىمۇ تېپىلىدۇ. بۇ جەقتە كىتابىمىزنىڭ باشقا بابلىردا ئايرىم-ئايرىم توختىلىدىغان ۋە توختالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە شۇنچىلىك دېيىشنىڭ ئۆزىلا كۆپايە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇننىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خۇدايىم ئادەم بالىسىنى، ئۇلۇغلارنى، كىچىكلەرنى، ياماننى، ياخشىنى، بىلىملىكلەرنى، بىلىمسىزلەرنى. پېقىر ياكى گادايلارنى، ئەقىللىك، ئەقىلسىز، جاھىل ياكى بايلارنى ياراتتى. ئەل-يۇرتنى تەرتىپتە تۈزمەك، جاھاننى سۈزمەك ئۈچۈن بۇ بەگلەر تىكلەندى. كىشىلەر ئەل تۇتۇش ۋە بەگ ئىشى ئۈچۈن، قانۇن، ئۇسۇل، ھەم يۈسۈن تۈزۈپ چىقتى.» (10)
غرىش، ئۇنداق بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن بىلەن ھوقۇق (بۇ يەردىكى ھوقۇق دۆلەت مەنىسىدە ئەمەس ئىمتىياز مەنىسىدە كېتىپ بارىدۇ) قا نېمىدەپ تەبىر بېرىدۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن بىلەن ھوقۇققا تەبىر بەرگەندە ئۇلارنى تەبىئەت ھادىسلىرى، شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئوبرازلاشتۇرىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 18-بابىدا
قانۇننى مۇستەمكەم تەۋرەنمەي تۇرىدىغان ئۈچ پۇتلۇق كۇرسىغا، 28-ۋە 38-بابىدا ئەلنىڭ يىلتىزىغا، باغ (بۇ يەردىكى باغ، «مېۋىلىك باغ» دىكى باغ ئەمەس، بەلكى «ئىشتانباغ» دىكى باغ يەنى بىرەر نەرسىنىڭ تۇتقۇسىنى كۆرسىتىدۇ) قا، ئاچقۇچقا ۋە ئېقىپ كېتىۋاتقان سۇغا، 41-بابىدا ئاسماننى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۈۋرۈككە ئوخشاتسا، «قۇتاد-غۇبىلىك» نىڭ 16-بابىدا ھوقۇق، دۆلەت، بەخت، جاھان، مال-دۇنيا ۋە تىرىكلىكنى بىر ئىزىدا توختىماي دائىم دومىلاپ تۇرىدىغان يۇملاق توپقا، تۇتسا تۇرماي قاچىدىغان شامالغا، قارايدىغان يورۇق كۈنگە، تولۇپ يەنە كېمىيىپ تۇرىدىغان تولۇنئايغا، 22-بابىدا ئۇخلىغاندا كۆرگەن چۈشكە ۋە تۇتسا ئۈچۈپ كېتىدىغان قۇشقا، 42-بابىدا دىلنى ئوينىتىپ گوللاپ قويىدىغان ياسانچۇق كېلىنگە ۋە قوغلاپ يېتىشكىلى بولمايدىغان ئالۋۇنغا، 68-بابىدا تۇراقسىز كۆلەڭگىگە، 71-بابىدا گۈرۈلدەپ چىقىپ، يېغىپ توختاپ قالىدىغان بوران ۋە يامغۇرغا ئوخشىتىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «قانۇننىڭ ۋەسىپىنى ئۈچ ئاياغلىق كۇرسىدىن سورا. پۈتۈن ئۈچ ئاياغلىق قىڭغايماس بولۇر، ئۈچ پۇتى تۈز تۇرۇر ھەم قايماس بولۇر. ئەگەر ئۈچ ئاياغنىڭ بىرى قىڭغايسا، قالغان ئىككىسى قايار، ئولتۇرۇچى چۈشەر. پۈتۈن ئۈچ ئاياغلىق (نەرسە) توغرا، تۈز تۇرۇر، ئەگەر (ئايىغى) تۆت بولسا، بىرى ئەگرى بولۇر. مېنىڭ قانۇنۇم ئاشۇنداق تۈز ۋە قىڭغايماستۇر. قانۇن ئەلنىڭ يىلتىزى، باغ، ئاچقۇچ. ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۈۋرۈك ئىرۇر، ئۇ قانۇن يىقىلسا ئاسمان يىقىلۇر. زۇلۇم ئوت، يېقىنلاشسا كۆيدۈرەر، قانۇن-سۇ، ئۇ ئاقسا نېمەتلەر ئۈنەر. توپ ئۆزىچە نىچۈك دومىلسا، دۆلەتمۇ شۇنداق سورۇلۇپ كېتەر. تېرىگلىك دېگەن شامالدەك كېتەر، قاچار، تۇتسا تۇرماس. دۆلەت كېلىپ كەتمەس بولسا ئىدى، يورۇق كۈنمۇ قارايماس ئىدى. بەخت تۇراقسىز
تەلۋىدۇر. دۆلەت تولۇنئاي كەبى كېمىيۇر. بەخت چۈشتەك كېچەر، قۇشتەك ئۇچار. دۇنيا ئۆزىنى بېزەپ كۆرسىتىپ ياسانغان كېلىندەك دىلنى ئوينىتار. جاھان بىر بوراندۇر ھەم تۇراقسىز كۆلەڭگىدۇر. بۇ دۇنيانى بوران ياكى يامغۇر سانا، ئۇ بىرئاز گۈرۈلدەپ يەنە تېز توختاپ قالار.» (11) يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بايانلىرىدا قانۇننى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدۇ ۋە ئۇنى مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ. ئەكسىچە دۆلەت، ھوقۇق، بەخت، مال-دۇنيانى بىرەر كىمگە باقىۋەندە قىلىۋېتىلگەن خۇسۇسىي مۈلۈك دەپ قارىمايدۇ. بەلكى ئۇ، قولدىن-قولغا كۆچۈپ تۇرىدىغان، بەزىدە قولغا كېلىدىغان، بەزىدە قولدىن كېتىدىغان تۇراقسىز نەرسە، ئۇنى پەقەت ھەر خىل نېمەتلەرنى ئۈندۈرەلەيدىغان سۇ — يەنى مۇقەددەس قانۇننىڭ ياردىمى ۋە كاپالىتى بىلەنلا قولغا كەلتۈرگىلى، تۇتۇپ تۇرغىلى ۋە ئۇزاق داۋام قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ، مۇشۇ خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن خان، پادىشاھ، بەگلەرگە قولىدىكى ھوقۇقىغا (5326-بېيىت)، دۆلەتكە (694-بېيىت)، بەختىگە (668-بېيىت)، جاھانغا (1331-بېيىت)، مال-دۇنياغا (1403، 1377-بېيىت)، خىزمەتكە (4091، 4093-بېيىت) ۋە تىرىكلىككە (1332-بېيىت) ئارتۇقچە ئىشىنىپ كىبىرلەنمەسلىك ۋە مەغرۇرلانماسلىق ھەققىدە قاتتىق نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەت، بەخت تۇراقسىز ئەمەس بولسا، نە ياخشى ئىدى. (ئەمما) ئۇلۇغلۇق، بۈيۈكلۈك، دۆلەت ئۇزۇن توختىمايدۇ. (شۇڭا) بۇ بەگلىككە تولا مەغرۇر بولمىغىن، ئۆزۈڭنى كۆپ كۆزەت، كىبىر قىلمىغىن. بەختكە گۈۋەنمە، ئۇ كېلەر ھەم كېتەر. دۆلەتكە ئىشەنمە، ئۇ ئالار ھەم بېرەر. دۆلەت كىم بىلەن كېلىپ ياراشسا، شۇ كىچىكلىك قىلىپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاي. دۆلەت (بىرەر) كىشىگە كۈلۈپ
كىلەر بولسا، (شۇ كىشى) كىچىك دىل بولۇپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتسۇن (12).
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاكىمىيەت (دۆلەت)نى قانۇن ئارقىلىقلا تۇتۇپ تۇرۇش، مۇستەھكەملەشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنى تۆۋەندىكى بايانلىرى ئارقىلىقمۇ كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بەگلىك قانۇن بىلەن رۇس ئۆرە تۇرار. ئەگەر قايسى بەگ خەلققە قانۇن بەرمىسە، خەلقنى كۆزەتمەي يېگەنلەر يېسە، ئېلى بۇزۇلۇپ ئۇ خەلققە ئوت چاچار، بۇ بەگلىك ئۇلى شەكسىز نابۇت بولغاي، بەگ كۆڭۈلنى تۈزەپ قانۇن يۈرۈتسە، بەگلىك بۇزۇلماس، بەك ئۇزۇن تۇرار. (شۇڭا) ئەلگە ئۇزۇن ھۆكۈمران بولاي دېسەڭ، قانۇن تۈز، يۇرت، خەلقنى ھامان ئاسرا.» (13)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، قانۇننىڭ ئاساسى ئادالەتتۇر. ئۇ، ئادالەتسىز قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا يول قويماسلىقى، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ناھەقچىلىك ۋە ئۇۋالچىلىقلارنى توسۇشى، كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان باراۋەرسىزلىكلەرنى يوق قىلىشى لازىم. شۇ چاغدىلا قانۇن ئىسمى-جىسمىغا لايىق قانۇن بولالايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىدىن تارتىپ پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى باردى-كەلدى پائالىيىتىگىچە يۇقىرى تەبىقە ۋە تۆۋەن تەبىقە دېگەن تامغا بېسىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمىچىلىق ۋە پەرقلەر خېلىلا چوڭ ئىدى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كىتابىدىن بىلىشىمىزچە، ئانىسى ئېسىلزادە، ئاتىسى ئاددىي خەلقتىن تۇغۇلغان ياشلار «ئىنال» دېيىلەتتى(14). ئاددىي خەلقنىڭ چوڭلىرى بىلەن خاقان ئوغۇللىرىنىڭ كىچىكلىرى مەرتىۋىدە ئوخشاش سانىلىپ
«ئۆگەتەگىت» دەپ ئاتىلاتتى(15). ئاددىي خەلقتىن چىقىپ ۋەزىرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئادەم «يۇغرۇش»(16)، ئاددىي خەلقتىن چىقىپ خاقاندىن ئىككى دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغىنى «يابغۇ»(17)، ئۈچ دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغىنى «توكسىن»(18) دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. خاقانلار ۋە بەگلەر ئۆلسە ئۇلارغا ئاتاپ مەخسۇس قەبرە قاتۇرۇلۇپ، ئۈستىگە «ئەشۈك» (ياكى كۈشۈك) دېيىلىدىغان يىپەك يويۇق يېپىلاتتى. بۇ يويۇق كېيىن كەمبەغەللەرگە ئۆلەشتۈرۈپ بېرىلەتتى(19). كەمبەغەللەر «چىغاي»(20) دېيىلەتتى. مەدىكار ئىشلەيدىغان ۋە كۈنلۈكچىلەر «ماراز»، «خيارماراز»(21) ۋە «تەرچى»(22) دېيىلەتتى. تىلەمچىلەر «ئومدۇچى»(23)، ئىشىكمۇ ئىشىك يۈرۈپ تىلەيدىغان قەلەندەرلەر «قاراچى»(24) دېيىلەتتى. ئۇ زاماندا سىنىپىي زۇلۇم ئېغىر بولۇپ، بەگلەر ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قول چۇماقچىلىرى كەمبەغەل مېھنەتكەشلەرنى خالىغانچە بوزەك ئېتەتتى. كۈچىگە تايىنىپ پۇقرالارنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىنى تۇتۇۋېلىپ ھەقسىز ئىشلىتىۋالاتتى(25). بەگلەر پۇقرالارغا ھەرخىل ئالۋان-ياساقلارنى سالاتتى. ئالۋاڭ-ياساق ۋە باج-سېلىقلارنى يىغىدىغان ئەمەلدارلار «ئىمغا»(26) دېيىلەتتى. ئۇلار يېزا ئاقساقاللىرىنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولغان «چوپان»(27) لار بىلەن بىرلىشىپ، ئېرىق-ئۆستەك قېزىشقا، تۇغان تۇتۇشقا چىقمىغانلاردىن سېلىق ئالاتتى(28). قۇللار ئەر-ئايال دەپ ئايرىلماي بىردەك «قاراباش»(29) دېيىلىپ، ئۇلارغا «سۇلى»(30) دېگەن ئىسىم قويۇلاتتى. قۇللار قۇل ئىگىلىرىگە ھەر يىلى بېرىم بېرەتتى. بۇنداق بېرىم «بەرت»(31) دېيىلەتتى. قۇللار ئۆز ئىگىسىگە قىممىتىنى تۆلەش بىلەن ئازاد بولاتتى(32). ئازاد قىلىنغان بۇنداق ھۈر قۇللار «بوش»(33) دەپ ئاتىلاتتى. بۇ دەۋردە قاراخانىلارنىڭ
سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسى قۇل قىلىناتتى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىنمۇ بىر بۆلۈك قۇل سېتىۋېلىنىپ كېلىنەتتى(34). قۇللار ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان خىزمەتچىلەر بولۇپ، دائىم دېگۈدەك خوجايىنلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە ۋە تىل-ھاقارەتكە ئۇچراپ تۇراتتى. مەھمۇد قەشقەرنىڭ « بەگ ئۇنى كەمسىتى » (35) شەكلىدىكى ۋە « بەگ ئۇنىڭغا كايىدى، ئۇنى دۆشكەللىدى » (36) شەكلىدىكى قەينلىرى ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، خوجايىنلىرىنىڭ ئۇلارنى « قاشاڭ » (37) دەپ تىللايدىغانلىقى ئۇنى تېخىمۇ ئىسپاتلايدۇ. قۇللار بېگى ۋە خوجايىنلىرىنىڭ تاپشۇرغان ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا تاياق يەيتتى(38). قۇللارنى ئۇرۇش « توقىدى » (39) دېيىلەتتى. بۇ « ئەدەبلەش »، « ئىزىغا سېلىش »، « تىزگىنلەش » مەنىلىرىنى بىلدۈرۈپ، « قانۇن » غا ئاساسەن شۇنداق قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. قۇلدارلارنىڭ قۇللارغا بولغان ئېكسېلاتاتسىيىسى ناھايىتى قاتتىق بولغاچقا، قۇللار دائىم دېگۈدەك خوجايىنلىرىغا قارشى چىقىپ تۇراتتى(40). مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ دەۋردە خەلق ئارىسىدا « كۈچ ئەلدىن كىرسە، تۆرۈ تۈڭلۈكتىن چىقار » (مەنىسى: زورلۇق-زومبۇلۇق ئىشىكتىن كىرسە، ئىنساپ ۋە قائىدە-يوسۇن تۈڭلۈكتىن چىقار) (41) دېگەن ماقال كەڭ تارقالغانىدى.
قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە ساقلىنىۋاتقان بۇنداق تەڭسىزلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەڭسىزلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى ھاكىسيەت ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىللىقتىن چەتئەپ كەتكەنلىكىدىن، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەخلاقىي-پەزىلىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، ئەلدە زۇلۇم ۋە
زالىملىقنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ھەمدە بۇلارنى سورايدىغان چىن ئىنساننىڭ قالماي ئادەم قىسلىقى ئۆتۈلگەنلىكىدىن ئىزدەيدۇ. ئۇ، پادىشاھلارغا زاھاكتەك(«)خەلقنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىماي، پەرىدۇندەك(«)خەلقنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش، يامان خۇيلۇق بولماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەگ بولسۇن، قۇل بولسۇن، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، بەربىر ئۆزى ئۆلىدۇ، ئېتىدىن نىشان قالىدۇ. بۇ نۆۋەت بەگلىك ئورنى ساڭا تەگدى، بۇرۇنراق ياخشىلىق قىل. تىرىكلەر ئاخىرى ئۆلىدۇ، يەر ئۇنىڭغا تۆشەك بولىدۇ. ئەگەر ئۆزى ياخشى بولسا نامى ئۆلمەيدۇ. جاھاندا بىر ياخشى بىلەن بىر ئەسكىنىڭ ئېتى ئۆچمەيدۇ. يامانلىرى سۆكۈلىدۇ، ياخشىلىرى ماختىلىدۇ. سەن ئۇنىڭغا قارا، ئۇنىڭدىن ساڭا قايسىسى ياقىدۇ. سەن ياخشى بولساڭ نامىڭ ماختىلىدۇ، يامان بولساڭ سۆكۈلىدۇ. يامان خۇيلۇق زاھاك تېمىشقا سۆكۈلدى؟ قۇتلۇق پەرىدۇن نېمىشقا ماختالدى؟ بىرى ياخشى ئىدى، خەلق ئۇنى ماختىدى. بىرى يامان ئىدى، خەلق ئۇنى قارغىدى. ساڭا يامانلىق كېرەكمۇ-ياخشىلىقمۇ؟ قارغىشلىق كېرەكمۇ، ماختاشلىقمۇ؟ قايسىسىنى تىلسەڭ، ئىككىسىدىن بىرىنى تاللا، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالما.»(««)
ئۇ، ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان خان، بەگلەردىن ئادىللىق بىلەن ئىش قىلىشنى، قانۇندا ئادىل بولۇشنى، بىر-بىرىنى بوزەك قىلىشقا، بىر-بىرىنى ئېزىشكە يول قويماسلىقنى، زۇلۇمخۇمار بولماسلىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەگلىكنىڭ ئاساسى ئادالەتتۇر. بەگلەر ئادىل بولسا، تىرىكلىك بولار. بەگلەر ئەلگە ئادىل بىرلە ھۆكۈم قىلسا، تىلەك ئارزۇسىغا يەتكىلى بولار. بەگلىكنىڭ مەڭگۈلۈكىنى تىلسەڭ قانۇندا ئادىل بول،
زۇلۇمنى تامام يوقاتقىن. توغرا قانۇننى خەلقىڭگە بەر، بىرىنى بىرى ئەزمەكنى ئەلدىن كۆتەر. قانۇندا ئادىل بولۇشقا تىرىش، كۈچ كۆرسەتمە. پۈتۈن خەلق ئۈچۈن مېھرىبان بولۇپ، ھەرقانداق چاغدا كىچىك-چوڭغا ئادىل ھۆكۈم قىل.» (45)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، قانۇن ئادىللىقتىن چەتنىگەن، جاھاننى بۇزۇۋاتقان بارلىق نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى توسىدىغان توسۇچى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇپ، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ يولدىن چىقىپ كەتكەن خان، پادىشاھلارمۇ ئايىلىپ قالمايدۇ. ئۇ قانۇننىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى تەكىتلىگەندە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق چەكلەشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ھۆكۈمرانلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە قانۇن ساپاسى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئاۋام خەلقنىڭ خۇي-پەيلىنى تۈزەش بىلەن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۈزەشنىڭ بېقىندىچىلىق مۇناسىۋەتىنى فورمىلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خان ئادەت ۋە قانۇننى قانداق تۇتسا، خەلقمۇ شۇنداق، شۇ ئادەتسىمان بولار. ئېلگ يامان بولسا جاھاننى بۇزار، توسۇچى بولسا يولدىن ئازار. بەگلەرنىڭ ھەرىكىتى يامان بولسا، يامانلار كۈچىيىپ ئەنئەنە بۇزار. خەلق بۇزۇلسا ئۇنى بەگلەر تۈزەر، ئەگەر بەگ بۇزۇلسا ئۇنى كىم تۈزەر؟ بۇلغىنىشلارنى سۈزۈك بولسۇن دېسەڭ ئاۋۋال سەن سۈزۈل، كېيىن خەلقمۇ تۈزۈك بولغاي. ئۆزۈڭ ياراملىق ئىشلارنى تىلسەڭ يارامسىزنى تاشلا.» (46)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھلارنى، بەگلەرنى، قۇللارنى، ئوغلىنى، يېقىن تۇغقىنىنى، يات كىشىنى، يولۇچىنى، ئۆتكۈنچى مۇساپىرلارنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئادىل قانۇندا تارغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر كۆرىدۇ. ئېگىز-پەس، چوڭ-كىچىك، ئەزىز-خار دەپ ئايرىمايدۇ، ھۆكۈم قىلغان ۋاقتىدا ھېچبىرىگە يۈز-خاتىر
قىلمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى كۈنتۇغدى ئېلگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەت سۈپۈتنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتقانلىقى ۋە قانۇننىڭ ۋاسىپىنىڭ نېمىلىكى ئۈستىدە قىلغان بايانلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھېچبىر كىشىنى بەگ ياكى قۇل دەپ ئايرىماي ئىشلىرىنى ئادالەت بىلەن ھەل قىلىمەن. مەيلى ئۇلار ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم بولسۇن ياكى يولۇچى، ئۆتكۈنچى، قونىقىم بولسۇن، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇن ئالدىدا باراۋەر، ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقتىدا بۆلەكچە بولمايمەن.»(47)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇش لازىملىقى توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئىدىيىسىنى يەنە ئۇنىڭ «سەئىد» (پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى) لەرنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئەخلاقلىق، ياخشى بولۇشىنىڭ ناتايىنلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ناچارلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىملىقىدىن ئىبارەت پوزىتسىيىسى ئىپادىلەنگەن 4340-بېيىت بىلەن دۆلەت ئىشلىرى جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق بۈيۈك دۆلەت خادىملىرىغىمۇ قىلچە يۈز-خاتىر قىلماي ئۆلۈم جازاسى بېرىش لازىملىقى توغرىسىدىكى بايانلىرى (4119، 4120، 4121، 4122، 4123-بېيىتلارغا قارالسۇن) دىن تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇياشنىڭ ئۆز يورۇقلۇقىنى پۈتكۈل كائىناتقا تەڭ چېچىپ چۈشۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت تەبىئىي قانۇنىيەتنى ئادىللىق بىلەن تولغان مەڭگۈلۈك ھادىسە دەپ قارايدۇ ھەمدە ھۆكۈمرانلارنى قۇياشقا ئوخشاش ئاشۇنداق ئادىل ئىش كۆرۈپ، ئاھالىلىرىنى «ئېرىخ» ياكى «ئېرىغسىز» دەپ ئايرىماي، پۇقرالارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە شاپائەت كۆرسىتىشكە ئۈندەيدۇ. ئۇ بۇ ئىدىيىسىنى
كۈنتۈغدى ئېلگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەتنىڭ سۈپىتىنى تەرىپلىگەن بايانلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۈن ئۆزىنىڭ يورۇقلۇقىنى ئومۇمغا ئېرىغ ياكى ئېرىغىز دېمەي تەڭ چاچىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمغا بېرىدىغان يورۇقلۇقى زادى كېمەيمەيدۇ. مېنىڭمۇ قىلغىم مۇشۇنداق بولۇش (بولۇپ)، مېنىڭدىن ھەممىگە تەڭ ئۇلۇش تېگىدۇ. كۈن تۇغقاندا يەر ئىسسىيدۇ، چېچەكلەر ئېچىلىپ جاھان تۈمەنمىڭ تۈسكە كىرىدۇ. شۇنىڭچىلاپ مېنىڭ قانۇنۇممۇ قايسى ئەلگە كىرسە، ئۇ ئەل ناۋادا تاش ياكى قورام تاش بولسىمۇ تۈزۈلۈپ كېتىدۇ.» (48)
ناھايىتى روشەنكى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئېرىغ» ۋە «ئېرىغىز» دېگەن سۆزلەر «تازا»، «پاكىز» ۋە «پاكىز بولمىغان»، «مەينەت» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرگە ئىگە (49).
يىغىنچاقلىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ئىدىيىدە شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، ئېنسىكلۇپىدىك ئالىم ئەبۇناسىر فارابى (مىلادى 870 — 950) غا ئوخشاش ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ گارمونىك ھەمجەھەتلىكىنى ياقلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ يۈكسەك خەلقپەرۋەرلىكىنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسىدىكى ئىپادىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر ئەڭگۈشتەر بولۇپلا قالماستىن، ھازىرقى كۈندىمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىكتۇر.
ئۈچىنچى، پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئېھسان قىلىشتا كەڭ قول بولۇش
پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئېھسان قىلىشتا كەڭ قول بولۇش — يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلقچىلىق ئىدىيىسىنىڭ قانۇن-تۈنۈمدىكى ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىشى. ئۇنى ھازىرقى
سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇن يولىغا سېلىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق يەنى نەپەقە خىزمىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش دەپ ئاتىغان تۈزۈك. بۇ ئىدىيە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە خېلى زور سالماقنى ئىگىلىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەرزىيەت ۋە نەپەقە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ قەدىمدە قانداق يولغا قويۇلغانلىقى شۇنداقلا ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قايسى تۇردىكى خىزمەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەرزىيەت خىزمىتى — ئۇيغۇرلاردا تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. تارىختا تۈرك ۋە ئۇيغۇر خانلىرى پۇقرالار بىلەن ئالاقە باغلاشقا، دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەھۋاللارنى بىلىپ تۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، خېلى بۇرۇنلا « تاياڭۇ » دېگەن مەنسەپنى تەسىس قىلغان، كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان « ھاجىپ » سۆزىنى قوللىنىدىغان بولغان (50). مەيلى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى « تاياڭۇ » لار بولسۇن، مەيلى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى « ھاجىپ » لار بولسۇن، ئۇلار ناھايىتى ئادىل، ھەققانىيەتچى ۋە خەلقپەرۋەر كىشىلەردىن تەيىنلىنەتتى. پۇقرالار شۇلار ئارقىلىق ئارزۇ-تەلەپلىرىنى پادىشاھلارغا مەلۇم قىلىپ يەتكۈزەتتى، پادىشاھلارمۇ پۇقرالىرىنىڭ ھال-ئەھۋاللىرىنى شۇلار ئارقىلىق بىلىپ تۇراتتى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى مۇستەھكەملىشىدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانىدى.
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1959-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى مارالېشى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي-شىمالىغا 72 كىلومېتر
كېلىدىغان تۇمشۇق تېغىنىڭ شەرقىي ئۈچى تەرىپىگە جايلاشقان «توققۇز ساراي» قەدىمكى خارابىسىدىن قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت بىر پارچە ھۈججەتنى تاپقان. بۇ ھۈججەت ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈججەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنى «قۇل قاغۇرماچ» دەپ ئاتىغان بىر نامرات كىشىنىڭ خوتۇن ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن بەگلەردىن بىر دېدەك ئىلتىپات قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن(51). گەرچە بۇ ئەرزنىڭ شۇ ۋاقىتتا قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، «قول قاغۇرماچ» نىڭ تەلىپىنىڭ ھەل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە مەلۇماتقا ئىگە بولمىساقمۇ، بۇ — شۇ دەۋردە كەمبەغەل، نامرات، ئىگە-چاقسىز كىشىلەرنىڭمۇ بەگلەرگە ئەرز سېۋىۋې ئۆزىنىڭ دەرد-ئەھۋالىنى ئىزھار قىلالايدىغانلىقى ۋە شۇنداق قىلىشقا يول قويۇلغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پاكىتنى چۈشبەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، ئەرزىيەت دېگەن ئاتالغۇ بۈگۈنكى كۈندە «ئەرز» ۋە «يەت» دېگەن تاق سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىرىكمە سۆز بولۇپ، «ئەرزى يەتتى»، «ئەرزى يەتسۇن»، «ئەرزى يېتىپ مەلۇم بولسۇن» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى ئاڭلىتىپ، ئەرزلەرنىڭ مەلۇم جايلارغا ئاپىرىپ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرزلەر قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە خەت يېزىپ سۇنۇش، ئەرز سۇنۇلىدىغان جاينىڭ يىراق-يېقىنلىقىدىن قەتئىينەزەر ئەرز قىلغۇچى ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دەۋانى تىڭشايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تېگىشلىك جاۋاب ئېلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ، خەت-چەك ۋە بېرىپ ھال ئېيتىش قاتارلىق ئىككى تەرەپلىمەمەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەرزىيەت خىزمىتى — جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە
قىلىدىغان باشقۇرغۇچىلارغا بىرەر شەخس ياكى كوللېكتىپنىڭ نامىدىن ئەھۋال ئىنكاس قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سىياسىي باردى-كەلدى پائالىيىتى. ئەگەر قانۇننى سىياسىي، ئىقتىساد، ئائىلە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا بېكىتىلگەن ھەر خىل تۈزۈملەرنىڭ مىزانى دېسەك، ئۇ ھالدا ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاشۇ تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئۈنۈمنى ئىنكاس قىلىپ تۇرىدىغان كۆزنەك دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەرزىيەت خىزمىتى قەدىمدىمۇ، ھازىرمۇ ئوخشاشلا جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىر قىسمى. ئۇ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىش، ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىچە تەدبىرلەرنى ئورنىتىشتا مەسلىھەت كۆرسىتىش، مۇرەككەپ چىگىش مەسىلىلەرنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش قاتارلىقلاردا باشقا تارماقلار ئوينىيالمايدىغان روللارنى ئوينايدۇ. ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەت ئەھۋالىنىڭ يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىپ قانۇننى ئىجرا قىلىش جەھەتتە پەۋقۇلئاددە رول ئوينايدۇ. بىر ئېغىز گەپ بىلەن يىغىنچاقلىغاندا، ئەرزىيەت خىزمىتى مەيلى قەدىمدە بولسۇن، مەيلى ھازىرقى دەۋرىمىزدە بولسۇن، ئۇ، قانۇنچىلىقنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەر بولسا، قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان خادىملار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە مانا مۇشۇ يۇقىرىقى مەسىلىلەر ناھايىتى روشەن يورۇتۇلغان ۋە خېلى دەرىجىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنى روۋناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ خانلىققا، خانلىقنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرۇۋاتقان چوڭ-كىچىك ھەربىي، مەمۇرىي، قانۇن ئەمەلدارلىرىغا، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك
سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا بولغان پىكىر، تەلەپ ۋە ئىنكاسلىرىنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە لازىم ئىدى. ئۇ يۇقىرىقى مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پۇقرالارنىڭ خان، پادىشاھ ۋە بەگلەرگە دەيدىغان گەپلىرىنى دېيىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تەشكىلىي جەھەتتە تەدبىر كۆرۈپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، « ھاجىپ » لار مۇشۇ خىزمەتنى ئىشلەيدىغان خادىملار ئىدى (52).
« قۇتادغۇبىلىك » تىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىلار دەۋرىدە خاراكتېرى ھازىرقى كۈندىكى « يىغىۋېلىپ كونترول قىلىش، يۈرتىغا ئاپىرىپ قويۇش پونكىتى » غا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر مۇئەسسەنىڭ بارلىقى ئېنىق. ئۇ بولسۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان « مۇساپىرخانا » دۇر. مۇساپىرلارنى كۈتىدىغان بۇنداق بىر ئورگاننىڭ نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان تارىشا پۈتۈكلەردىمۇ قەيت قىلىنىشى، ئۇيغۇرلاردا ئاجىز، يېتىم-يېسىرلارنى، بېقىسىز قالغان. كىشىلەرنى يۆلەشنىڭ بىر خىل ساخاۋەتلىك ئىش ھېسابلىنىپ ئەزەلدىنلا بىر خىل تۈزۈملەشكەن ھادىسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئورگانلىرىدا ساراي ئەھلىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىغان « ھاجىپ » قا ئوخشاپراق كېتىدىغان ئەمەلدارلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار « چاۋۇش » دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا سەپ تۈزەشكە مەسئۇل بولسا، تىنچلىق ۋاقىتلىرىدا ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتىزامىنى بۇزۇپ خەلققە زۇلۇم سېلىش، خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان
ھەرىكەتلىرىنى توسۇش، چەكلەش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش ئىدى(53) مىلادى 1068-يىلى تەختكە ئولتۇرغان قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئېلكخانلىقىنىڭ خانى شەمسۈلمۈلۈك ناسىرنىڭ ئاتسى تامغاچقان ئىبراھىمغا ئوخشاش ئادىل شاھ دېگەن نامى بولۇپ، ئۇ ئەسكەرلىرىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئەسكەرلىرىنى شەھەردە تۇرغۇزماي دائىم بۇخارانىڭ يېنىدىكى بىر يېزىغا ئورۇنلاشتۇراتتى. ئەسكەرلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ شەھەر ئاھالىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنلا سىرتتا قونۇپ قالمايتتى(54).
يۈسۈپ خاس ھاجىپ پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئەرز، شىكايەت ۋە دەۋالارنى تېز ۋە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەت ئورگانلىرىدا نەپەقە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاجىز، يېتىم-يېسىرلار، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا دۆلەت خەزىنىسىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇتقۇزۇش بېرىش خانلىقىنىڭ خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، دۆلەتنى باي قىلىشنىڭمۇ ئاساسى ئىدى. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خانلىقتىن نارازى بولىدىغان ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى ئازايتىپ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توپىلاڭ ۋە مالىمانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. ئۇ، مۇشۇ ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەپەقە بېرىش دائىرىسىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. بۇلار زۇلۇم چېكىپ يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ پۈرگەن پېقىرلار، تۇل، يېتىملار، خىزمەت كۆرسەتكەن ھەربىيلەر(55) جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ئوردىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى خادىملار شۇنداقلا كارۋان ۋە مۇساپىرلار ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزەرىدە
مۇشۇ خىل كىشىلەرگە خەير-ئېھسان قىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىلا قانۇن ھەقىقىي تۈردە نامايان بولغان بولاتتى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: « بەگلىكتە بەزىلەر زۇلۇم چېكىدۇ، بەزىلەر يوقلۇقنىڭ غېمىدە بىناۋا يۈرىدۇ. بەزىلەر ئاچ، بەزىلەر يالىڭاچ، بەزىلەر قايغۇ بىلەن غەم قىلىپ پىغان چېكىدۇ. خادىملارنى توپلاپ ئېھسان قىلغۇلۇق، پېقىرنى باي قىلىپ، ئاچنى تويغۇزغۇلۇق، ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىلەرنى تولا يىغماي، نېمە بولسا شۇلارغا ئىلەشتۈرۈپ بەرگۈلۈك لازىم. ئېھسان كۆپ قىلىنسا، پېقىر، تۇل، يېتىملار قورۇقدالغاي، پېقىر، تۇل-يېتىملار قورۇقدالسا چىن قانۇن نامايان بولغاي. پېقىرلارغا كۆيۈمچان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلساڭ، نۇرغۇن كىشىلەر ساڭا يېقىنلاپ كەلگەي. خاقان ئەسكەرلىرىنى سۆيۈندۈرمىسە قىلىچ قىنىدىن چىقمىغاي، قىلىچ قىنىدىن چىقمىسا، يېغى تەۋرىگەي، يېغى تەۋرىسە بەگ تىنچىيالمىغاي. شۇڭا، قىلىچ ئۇرغۇچنى سۆيۈندۈرۈپ، ئېھسان قىلىدىغان چاغدا تولا ئالدىراش كېرەك. جەڭدە ئۆلگەنلەرنى قەدىرلەپ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىش، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا ئۇلارغا ھەق بېرىپ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش لازىم. ئوردىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنى خەزىنە بىلەن سۆيۈندۈرۈش، نەپىشگە مۇناسىپ ئېھسانلار تارتىش، ئۇلارنى قەدىرلەش، بېيىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىنى زورايتىش، تاۋار، مال ئىلەشتۈرۈپ بېرىش ۋە يېگۈزۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، ئاچ-توق قالدىمۇ، كىيىم-كېچەك، تونلىرى ئۇپراپ كوناردىمۇ- يوق؟ بۇلارنى بىلىپ تۇرۇش، ناۋادا قۇلى قىسقىلىقتىن موھتا جلىق تارتقان بولسا، ھەق بېرىپ ئۇنى موھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسىنى قىلىش، ئىشقا تونۇشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش، ئالتۇن-كۈمۈش بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ئالتۇن-كۈمۈش بېرىپ ئېھسان قىلىش لازىم.
بەگلەر خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ ئېھسان يولىنى ئېچىش كېرەك. ھۈنەرۋەنلەر ئىشنى قىلسا ئىش ھەققىنى تېز بەرگۈلۈك، يېدۈرگۈلۈك ۋە ئىچۈرگۈلۈك لازىم. خانلار ئۆزىگە ياخشى ئات تىلەپ، داڭقىنى جاھانشا يېيىشنى مەقسەت قىلسا، مۇساپىر ۋە كارۋانلارنى ياخشى كۈتۈشكە تىرىشىش لازىم.» (56) يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىكى يۇقىرىقى مەسىلىلەر قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىچكى نىزالار تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقان پارچىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاپ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ مالىيە مەبلىغىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت زېمىنىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەرەپلەرنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى كۆپىنچىرەك خانلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خادىملار بولۇپمۇ خانلىقنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچى قوشۇنلار، ئوردىدا خىزمەت قىلغۇچى ھەر دەرىجىلىك خادىملار شۇنداقلا دۈشمەنگە قارشى بىرىنچى سەپتە تەر ئاققۇزۇپ، قان تۆكۈپ كۈرەش قىلىۋاتقان جەڭچىلەرگە بېرىلىندىغان ئېھسانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ، شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە مەلۇم جەھەتتە خانلىقنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھۆكۈمرانلار بىلەن پۇقرالاردىن تولۇقلانغان ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان جىددىيچىلىكنى تەڭشەپ تۇرۇش رولىغىمۇ ئىگە ئىدى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر كىشىگە باشقا بىر كىشى ئەجىر قىلسا، ئۇنىڭغا جاۋابەن كىشىلىك ئىشى قىلماقلىق كېرەك. ناۋادا ئۇ كىشى بىراۋنىڭ قىلغان ئەمگىكىنى بىلمىسە، ئۇنى ئادەم دېمەي ھايۋان دېيىش كېرەك. قۇل ئىشتا تۇرۇپ بەگلەرنىڭ ھەققىنى ئۆتەركەن، بەگلەرمۇ ئىش كۆرۈپ قۇللارنىڭ ھەققىنى ئۆتەش كېرەك. خانلارنىڭ قۇللاردا قانداق ھەققى بولسا، قۇللارنىڭمۇ بەگلەردە يەنە شۇنداق ھەققى بار. كىشى ئاۋۋال يىلقىسىنى تويغۇزار، ئۇنىڭدىن كېيىن پايدىنى
كۆرەر. كىشى يىلقىدىن پەس ئەمەستۇر. بەگلەر ئېھسان قىلسا، ياخشى سۆزلىرىنى ئېيتسا، خىزمەتچىلەرمۇ ئۆزىنى بەگكە پىدا ئەيلەر. خادىملار بەگدىن سۆيۈنچە تىلەپ جېنىنى ۋە تېنىنى پىدا ئەيلەپ ئىشلەر ھەم قۇللۇق قىلۇر. ئىسسىق-سوغۇقتا ئاچ-توق يۈرۈپ، ياياق ۋە يېلىڭ پېتى قىلىچ، پالتا، ئوق يەر. گاھى ئالغا، گاھى ئارقىغا، گاھى ئوڭغا، گاھى سولغا يۈرەر، بۇنىڭ بىلەن بەگنى ھۇزۇرغا يەتكۈزەر. يېغىغا قارشى سەپلەردە بەگنىڭ ھاياتىنى تىلەپ قورال بۇلار ۋە ئۈلۈمگە ماڭار. (شۇڭا) بەگلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكى، ياراملىقىنىڭ قانچە، يارامسىزلىرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى، ياراملىقلىرىغا ئېھسان قىلىپ، بېجىرگەن ئىشىغا قارىتا ھەق بېرىشى كېرەك.» (57) يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەگلەر بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بازار سودىسىدىكى ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىپ، خىزمەتچىلەرگە ئېھسان قىلىش ئارقىلىق دۆلەتكە كۆپ پايدا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: « بەگ بىلەن خىزمەتچىنىڭ مۇناسىۋىتى ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. ساتقۇچى مال دەسمايە قىلىپ بېرىدۇ، ئالغۇچى ئېلىپ ئەلدىن-ئەلگە يۈرۈتىدۇ. يىل، ئاي، كۈن ئۆتكەندە پايدا توپلىنىدۇ، يەنە يۈز كۆرۈشۈپ ئالغان پايدىنى بۆلۈشىدۇ. مۇشۇنداق قىياس قىلىنسا ئىش ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى تاپىدۇ. بەگ قۇلغا ياخشى سۆزلەرنى ئېيتىپ مال بەرسە، خىزمەتچى ئۆزىنى پىدا ئەيلەپ ئىش قىلار. خىزمەتچى جېنىنى پىدا قىلىپ تىغ ئۇرسا، ئۇنىڭ پايدىسى شەكسىز ئەل-يۇرت بولار، ئۇ، ياۋ بوينىنى ئۈزۈپ خەزىنە يىغار. شۇنىڭ بىلەن تىلەك، نېمەت، ئارزۇ تۇتۇشۇپ كېلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتكە پايدا ۋە كىرىمدۇر، شۇڭا بەگكە نەپ
بەرگەنلەرنى ياخشى كۆرۈش، ئەجرىنى بىلىپ ئۇنى قەدىرلەش لازىم.» (58)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئېھسان قىلىشتا كەڭ قول بولۇش ئىدىيىسىدە ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ھاجىپلارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، خەير-ئېھسان قىلىش خىزمىتىگە ھاجىپلار بىلەن ئىشكىئاغىسىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى، ئېھسان قىلىنغان مال-مۈلۈك ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تارقىتىشقا خەزىنىچىلەرنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماقنىڭ ئېنىق بولغان ئىش تەقسىماتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، « ھاجىپ » لار جەمئىيەتتىكى يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇن، پېقىر، مۇساپىرلارغا ئېھسان قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل. « ئىشكىئاغىسى » — ئوردا ئىچىدىكى ئاچ-توق قالغان، كىيىم-كېچەكلىرى كونىراپ كەتكەن، قولى قىسقىلىقتىن موھتاجلىق تارتقان خادىملارغا ئېھسان قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل. « خەزىنىچى » لەر — يۇقىرىقى ئىككى خىل خادىملار تەرىپىدىن خانقا مەلۇم قىلىنىپ تەستىقلانغان نەپەقە ئوبيېكتلىرىغا مال-مۈلۈك ۋە ئالتۇن-كۈمۈش تارقىتىشقا مەسئۇل. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۈچ تارماق ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى تارماقنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، خاننىڭ يارلىق چۈشۈرۈپ قىلغان ئېھسانلىرىنى بەجا كەلتۈرىدىغانمۇ، ئۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلىپ، سەۋەب كۆرسىتىپ ۋاقتىدا بەرمەيدىغانمۇ خەزىنىدارلار ئىدى. « قۇتادغۇبىلىك » تىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە، بەزى خەزىنىدارلارنىڭ خان ۋە بەگلەرنىڭ يارلىقىنى ئۆز ئەينى ئورۇنداپ، ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىنغان نەرسىلەرنى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن چېرىكلەر ۋە ھاجەتمەنلەرگە ئۆز ئەينى بويىچە تولۇق بەرمىگەنلىكى ياكى كەينىگە سۈرۈپ ۋاقتىدا بېرىشكە تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تالاي ئەسكەرلەر ۋە خىزمەتچىلەر
بەگلەرنى «سۆزىدە تۇرمايدۇ» دەپ نىيىتىنى بۇزغان ۋە يۈز ئۆرۈپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جايلاردا، سۇيۇرغاللىق تۈزۈم يولغا قويۇلغانلىقتىن بەگلەرنىڭ خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان ئىش ھەققى ئۆلچىمى، نەپەقە سىياسىتىمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىدى. بەزى خان، بەگلەر ناھايىتى كەڭ قول، سېخىي، بەزىلىرى بولسا ئاچكۆز، بېخىل ئىدى. بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، خانلار تەرىپىدىن قىلىنغان ئېھسانلارنى توسۇپ قويىدىغان، خىزمەتچىلەرگە ئىش ھەققىنى تۆۋەن بېرىدىغان ھەتتا ھەق بەرمەي بىكارغا ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشى دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق بولۇپ، ئۇنى قەتئىي چەكلەش ۋە تۈگىتىش لازىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خان ئەگەر ئەسكەرلىرىگە ئىنئام قىلسا، خەزىنىدار ئۇنى ئوچۇق يۈزلۈك بىلەن شۇ زامان بەرسۇن. ئەگەر ئېھسان توسۇلسا، قوشۇن دىل بۇزار، قوشۇننىڭ كۆڭلى سۇنسا بەگكە داغ يۇقار، خىزمەتچى قىسلىپ ھاجەتمەن بولسا، بەگ ئۇنىڭغا يارلىق قىلىپ ئېھسان ئەتسە، ئەگەر ئۇنى خەزىنىچى ۋاقتىدا بەرمىسە، ئۇ موھتاج خىزمەتچى يۈز ئۆرۈپ كېتەر. بېخىل ئۆزىنىڭ مېلىدىن ئۆزى قىزغىنار، ئۇنداقتا كىشىنىڭ ھەققىنى بېرىشكە قاچانمۇ ئۇنار؟ (شۇڭا) خىزمەت قىلغۇچى لايىق بەگكە، سېخىيلارغا قىلىش كېرەك. لايىق بەگ خادىملارنىڭ ھەققىنى بىلەر، ھېچقانداق ۋاقىتتا بېخىل خىزمىتىنى قىلماسلىق كېرەك، ئەگەر قىلسا ھاياتى بوشقا كېتەر.» (59) يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بايانلىرىدا، بىر تەرەپتىن خىزمەتچىلەرگە قىلىنىدىغان ئىنئام، ئېھسان ۋە ئىش ھەققىنىڭ قانداق بولۇشىنىڭ دۆلەتكە كەلتۈرىدىغان پايدا-زىيىنىنى تەھلىل قىلىپ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى نەپەقە خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان
قاتتىق ئىنتىزامىنى بېكىتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاچكۆزلۈكىنى پاش قىلىپ، ئۇلارغا ياللىنىپ ئىشلەش بىلەن تۇرمۇشنى قامدايدىغان تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا تىرىكچىلىكنىڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، دۆلەتنى روناق تاپتۇرۇش
قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، دۆلەتنى روۋناق تاپتۇرۇش — يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى، قاراخانىلار دەۋرىدىكى پادىشاھتىن تارتىپ ھەرقايسى جايلارنىڭ چوڭ-كىچىك بەگلىرىگىچە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر مىزانى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، بىر دۆلەتنىڭ روۋناق تېپىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ياخشى، ياراملىق كىشىلەردىن تەيىنلەنگەنلىكى ياكى يامان، يارامسىز كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ئىگىلىۋالغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياخشى، ياراملىق كىشىلەرگە ئىگە بولغانلار جاھاننى سورايدۇ، ئەكسىچە، ياخشى، ياراملىق كىشىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغانلار جاھاندىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭلاشقا ھۆكۈمران سىنىپلار ئۈزاققىچە ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ياخشى ۋە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشى، ئاندىن كېيىن ياخشىلار بىلەن يامانلارنى، ياراملىقلار بىلەن يارامسىزلارنى ئايرىپ چىقىپ، خىللانغان ياخشى ۋە ياراملىق خادىملارنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشى، ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ئەزىزلەپ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، يامان ۋە يارامسىزلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىشى، ئۇلارنى ئەلدىن
نېرى قىلىشى كېرەك. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: « بەگ ياخشى بولسا، ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقى تۈز، قىلىق، يۈرۈشلىرى ئۇز بولىدۇ. بەگلەرنىڭ دىلى ۋە تىلى ئۇز بولسا، خىزمەتچىلىرى توغرىلىق يولىنى تۇتىدۇ. ياخشىلار بەگ بولسا يامانلار يوقايدۇ. بەگلەر ئۆزى يامان بولسىغۇچە يامانلارنى ئۆزىگە يېقىن يولاتماس ۋە ئەلدە ياماننىڭ يۈزى سۆيۈنمەس. ئەگەر بەگلەر زالىم ھەم يامان بولسا، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى تۈز يولدىن چىقىدۇ. بەگلەر ياخشىلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، يامانلارمۇ ئىشنى ياخشى قىلىدىغان بولىدۇ. ئەگەر يامانلار بەگكە يېقىن بولسا، ياماننىڭ قۇلى ئەلگە ھۆكۈمران بولىدۇ. يامانلار باش كۆتۈرسە، ياخشىلار تۈگەيدۇ. (شۇڭلاشقا) يامانغا يېقىنلاشماي ئۇنىڭدىن يىراق قېچىپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش، ئۇنىڭغا ئىش بەرمەسلىك، ئەلدىن نېرى قىلىش، ياخشى كىشىلەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇش، ئۇلارنى ئەزىزلەپ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش (لازىم). ئادەم تاللاشقا كۆپ ئەقىل، ئىش قىلىشقا كۆپ بىلىم كېرەكتۇر. ياراملىق بىلەن يارامسىزلارنى، كېرەكلىك بىلەن كېرەكسىزلەرنى ئوبدان تونۇپ، چىڭ تاسقاپ ئېنىق تاللسا، ئىش پۈتۈن ۋە پىششىق بولىدۇ. » (60)
ئۇ، بۇ ئىدىيىسىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ « ياخشى » دېگەننى ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە، « يامان » دېگەننى ئىقتىدارسىز كىشىلەرگە قوللىنىدۇ ھەم ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ياراملىق، ئىقتىدارسىز كىشىلەرنى يارامسىزلار دەپ ئاتايدۇ. ئۇ، بۇ ئىدىيىسىدە بەگلەر ئىقتىدارلىق بولسا، ئىقتىدارلىقلارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، ئىقتىدارسىزلارغا بازار قالمايدۇ؛ بەگلەر ئىقتىدارسىز بولسا، ئىقتىدارسىزلارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، ئىقتىدارلىقلارغا ئۇۋال بولىدۇ؛ بەگلەر ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، ئىقتىدارسىزلارمۇ ئىشنى ئۇلاردىن ئۆگىنىپ
ياخشى قىلىدىغان بولىدۇ؛ بەگلەر ئىقتىدارسىزلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، ياخشى ئىشمۇ بۇزۇلۇپ يامانغا ئايلىنىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئالغا سۈرىدۇ ھەمدە توغرىدىن-توغرا قاراخانىلار خاندانلىقىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان نەسەپ سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەشتە ساقلىنىۋاتقان ئىقتىدارلىق — ئىقتىدارسىزلىقنى سۈرۈشتۈرمەي خان، بەگ جەمەتىدىنلا بولسا ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن ئىبارەت مەنسەپ مىراسخورلۇق تۈزۈمىگە دەلمۇ دەل تېگىش قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن قېپقالغان «قۇت» (بەخت) قان ۋاسىتىسى بىلەن ئاتىدىن ئۆز خوتۇنلىرىدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆتىدۇ ۋە شۇ تۈپەيلىدىن ھۆكۈمرانلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قانلىرىنى تۆككىلى بولمايدۇ، دەيدىغان بىر خىل ئېتىقاد بار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلارچە بولغاندا، «قۇت» قا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمران بولغان ئادەمنىڭ بۇ ئىلاھىي ئۈستۈنلۈكى بىر خىل ئىرسىيەتكە ئايلىنىپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنى يەنى تەختى بالىلىزىدىن بالىلىرىغا مىراس بولۇپ قېلىۋېرەتتى. بۇ چۈشەنچە يەنە ئۇلاردا ھۆكۈمرانلار ئىلاھىيەت ئاتا قىلغان قانۇن-قائىدىگە ئاساسەن يەر يۈزىنى باشقۇرىدۇ، دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، ئەمما ھۆكۈمران ئىنساندىن تاشقىزى تۇرىدىغان بىر خىل مەخلۇق دەپ ئەمەس بەلكى ئادەم دەپ قارىلاتتى. شۇڭلاشقا «قۇت» قا ئېرىشكەنلىكى ئادەمنىڭ ھەر قاندىقى، شۇنىڭغا لايىق ئىش-ھەرىكەتنىلا قىلىدىغان بولسا، ھەر قاچان، ھەر زامان ھۆكۈمرانلىق سەھنىسىگە چىقالايتتى. مانا مۇشۇ ئېتىقاد ۋە چۈشەنچە «قۇتادغۇبىلىك» تە ناھايىتى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھلىقنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئادەتنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «بەگ
ئانىسىدىن تۇغۇلغاندىلا بەگلىك بىلەن تۇغۇلىدۇ. ئاتىسى بەگ ئىدى، ئۆزىمۇ بەگ بولدى. ئاتىسى بەگ بولسا ئوغىلمۇ بەگ بولۇپ تۇغۇلىدۇ ۋە ئۈمۈ ئاتىلىرىدەك بەگ بولىدۇ. ئاتىنىڭ ئورنى ۋە ئېتى ئوغلىغا قالىدۇ، دېگەن ناھايىتى قەدىمكى بىر سۆز مەسەلدە كېلىدۇ. بۈگۈن ئاتا كەتتى، ئورنى بوش قالدى. بۇ يوچۇق ئەمدى ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن تولۇقلانسۇن.» (61) دېسە، ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يالغۇز بۇلارنىڭلا بولۇشىنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭغا يەنە باشقا مىڭلاپ-مىڭلاپ ياخشىلار قوشۇلسۇن» (62) دەيدۇ.
بۇ مەسىلە «قۇتادغۇبىلىك» تە بىزگە كۈنتۇغدى ئېلگىنىڭ ۋەزىر ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە: «سەن ئاتاڭدىن ماڭا بىرلا قالغانىدىڭ، ھازىر يەنە سېنىڭدەكتىن يەنە بولغان بولسا ئىدى، بۇ يولدىن ئۇلار ئۈزۈلمەي ئىلگىرى-كېيىن ماڭار ئىدى» (63) دەپ قابىلىيەتلىك كىشى ئىزدىگەنلىكى ئارقىلىقمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خانلىقتا ياخشى، ياراملىق بولغان كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن ئىقتىدارلىق، ئەقىلدار مەسلىھەتچىلەر قوشۇنى بولمىسا زادى بولمايتتى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «ياردەمچى كۆپ بولسا، كۆپ دېمەي يەنە تىلەش كېرەك، شۇ چاغدىلا بۈيۈك بەگ ئەلنى تۈزەپ غەمسىز ياتار. ياراملىق، تېتىكلەر ئەلدە كۆپ بولسا، بەگ ئەمەلىيەتتە ئاسايىش ئىشلارنى تاپار. ياردەمچى كۆپ بولسا، بەگلەرگە جەبركەمرەك بولار، قانۇن-نىزاملار بۇزۇلماي ئىشلىرى يولغا چۈشكەي.» (64) ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى «قۇتادغۇبىلىك» تە، يەنە بىزگە ئىلگ كۈنتۇغدىنىڭ يالغۇز ئولتۇرۇپ سۈرگەن خىياللىرى ئارقىلىقمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئېلگ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئەلنىڭ ئىشلىرىنى قىلالماسمەن، بۇنىڭ
ئۈچۈن ماڭا ئىش قىلىشنى بىلىدىغان بىر ئەر بېشى كېرەك. ئەقىللىك، بىلىملىك، سەر خىل كىشىلەر بېشى كېرەك. ئۇلار كۆيۈمچان، راستچىل، تىلى بىلەن دىلى بىر ھەم تۈز بولۇپ، مېنىڭ ئىشلىرىمنى قىلسا، ئىچى-تېشىمنى كۆرۈپ تۇرغان بولسا بولاتتى. (65)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، بىلىمنى، بىلىملىكلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بەگلىكنىڭ ئىشلىرىنى بىلىملىكلەر ئىشلىسۇن، بىلىمسىز كىشىلەر ھېچقانداق ئىشقا يارىماس. ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئىش قىلىدىغانلار ئۆزىنىڭ پايدىسىنى دەپ ياراملىق كىشىلەرنى يارامسىزغا، يارامسىز كىشىلەرنى ياراملىققا چىقىرىدۇ. ھەقىقىي ياراملىقلار بىلەن يارامسىزلارنى ئالىلارلا پەرق ئېتەلەيدۇ. (شۇڭا) ئۇلارنى قەدىرلەش كېرەك. كىمكى ئەقىللىك بولسا، شۇنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۈت. بىلىملىكنىڭ سۆزىنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلاپ ھەققىنى ئادا قىل. چىن، دۇرۇس، ياخشى نامى بار كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۈت ۋە ئۇنىڭغا ئىش بەر. بىلىملىك، ئەقىللىك پاك-يۈرەك كىشىلەرگە مال بېرىپ ئۇلارنى قەدىرلە ۋە ئاۋايلا. (66)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇشتا يەنە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قاراخانىلاردا ئىلگىرىدىن تارتىپ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بىر قاتماللىقنى قىلچە يۈز-خاتىر قىلماي بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۇ، « سەئىد » لەرگە، خان نەسىبىدىن بولغانلارغا، قۇللارغا ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ياراملىق ھەم يارامسىز كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى، ياراملىقلىرى بىلەن يارامسىزلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، ياراملىقلىرىنى ئىشقا قويۇش، يارامسىزلىرىغا ئىش بەرمەسلىكنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئالدى بىلەن
«سەئىد» لەرنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ياخشى بولۇشىنىڭ ناتايىنلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ناچارلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى ئەگەر ناچار سۆزلىسە، ئۇنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، قەيەردىلا بولمىسۇن نەسەپكە ئەمەس بەلكى ياخشىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. كۆيۈمسىز، نەپئىسىز ئوغۇلدىن، كۆيۈمچان، نەپئىلىك خىزمەتچى يۇقىرى تۇرىدۇ. قېرىندىشى كۆيۈمسىز ۋە نەپ يەتكۈزەلمەيدىغان بولسا، ئۇنى تاشلاپ، نەپئىلىكنى دوست تۇتۇش لازىم. ناۋادا قۇل بەگكە ئوغلىدىنمۇ يېقىنراق بولۇپ، پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇش كېرەك. پايدىسىز ئوغۇل ئۆزىگە دۈشمەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن يىراق قېچىش لازىم.» (67)
ئۇ، خانلىقتىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنى ئىشقا قويۇشتا چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىق-ئىقتىدارسىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇش، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنى ھەرگىز ۋەزىپىگە تەيىنلىمەسلىكنى قاتتىق نىزام قىلىپ بېكىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «توپ بېشى، ئەل بېشى، ھاجىپ، قوماندان، كاتىپ، كېڭەشچى، كۆك ئايۇقلۇق ئۇنۋانغا ئېرىشكۈچى، ئىنانچ بەگ، چاغرى بەگ، تېكىن بەگ، چاۋلى بەگ، يابغۇ، يۇغۇرۇش، مۇشاۋىرلارنى ئوبدان تاللاش (كېرەك)، ناۋادا بۇلار ئىچىدىن بۇ دەرىجىگە يارىمايدىغان بىرەر گۇستاخ ئەز چىقىپ قالسا، ئۇنىڭغا بۇ دەرىجىنى بەرمەسلىك، ئۇششاق گەپ قىلىدىغان سۇخەنچىنى ئۆزىگە يېقىن يولاتماسلىق، پىتنىخورلارنى بەگلىكنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرماسلىق، زالىم، يامانلارغا ئەل ئىچىدە نوپۇز بەرمەسلىك، ئورنىنى كۆتۈرۈپ ئۆستۈرمەسلىك (ۋە) ئۇلارنى بېيىتماسلىق لازىم.» (68)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەڭ ئاخىرىدا قاراخانىلار ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئوردىغا ئەكىلىپ خىزمەتكە قويۇلغان خادىملارنىڭ ياخشى تاللانمىغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن بۇزۇق ئىشلارنى قىلىپ كاللىسى ئېلىنغانلىقىنى، خانلارنىڭ بۇلاردىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
بەشىنچى، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشتا قاتتىق بولۇش
مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشتا قاتتىق بولۇش — تارىختىن بۇيانقى بارلىق دانىشمەن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتە ئىزچىل قوللانغان ئورتاق مىزانى. بارلىق قانۇنشۇناسلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قەدىمكى ئەمما جانلىق تېمىسى. مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشتا قاتتىق بولۇش — يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەلنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم ئىككى تەرىپى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەت مەنپەئىتىنى دەپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاپ، ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان ئۇرغانلارنى جازالىغاندىلا، قانۇننىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» نى ۋاراقلىشىمىز بىلەنلا «يامانغا جازا، ياخشىغا مۇكاپات» دېگەن بىر ئىدىيە كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەدىمكى زاماندا ياشىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ قاتتىق بولغان جازا قانۇنلىرىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنى باشقۇرغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇرۇن ئۆتكەن «بەگلەرنىڭ بەگلىرى ناھايىتى ياخشى قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ، يامانلارغا جازا بېرىپ زىندانغا تاشلىغانىدى» (69) دېسە، نۆۋەتتىكى خان، بەگلەرنىڭمۇ ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر-
نى جازالاشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە توختىلىپ: «خىزمەت قىلسا مال بەر، گۇناھ قىلسا ئۇر»(70) دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىل ئىككى بولۇپ، بىرى خەلققە قانۇندىن ئۇلۇش بېرىش، يەنە بىرى خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەتنىڭ ئۇلى ئىككى نەرسىدۇر، بىرى خەلققە قانۇندىن ئۇلۇش بەرمەك، يەنە بىرى خىزمەت ئەتكەنگە كۈمۈش بەرمەك. خەلق قانۇن بىرلە تۇرۇپ سۆيۈنسە، خىزمەتچىلەر كۈمۈشنى كۈرۈپ كۈلەر. شۇ ئىككىسى بەگدىن خۇش بولغان زامان ئەل رەتكە چۈشۈپ بەگ شۇئان ئاۋۇنۇر. (شۇڭا) كىم ئىش قىلسا ئۇنىڭغا تېز مال بەرگۈلۈك، ئەسىر ئالسا ماختاپ تارتۇقلاش كېرەك.»(71)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ بايانلىرىدا «خەلققە قانۇندىن ئۇلۇش بېرىش» دېگەننى خەلققە قانۇن تۈزۈپ بېرىش بولۇپمۇ جازا قانۇنىنى تۈزۈپ بېرىش دېگەن مەنىدە قوللىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خان ۋە بەگلەر جازا قانۇنىنى تۈزگۈچىلەر بولۇش بىلەن بىللە يەنە جازالارنىڭ ئىجراچىلىرىمۇ ھەم بولۇپ، خان ۋە بەگلىككە لايىق ھەيۋەت بولۇشتىن تاشقىرى يەنە يامانلارغا قوللىنىدىغان بىر يۈرۈش جىنايى جازالىرى بولۇشى، دۆلەتنى ئەنە شۇ جازاغا تايىنىپ باشقۇرۇشى ھەم ئاۋام خەلقنىڭ خۇي-پەيلىنى تۈزەپ تۇرۇشى لازىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلق باشچىسى بەگكە ھىممەت كېرەك، بۇ ھىممەت بىلەن ھەم سىياسەت كېرەك. سىياسەتكە بەگلىك رىياسەت كېرەك. خان ئەلنى قانۇن، سىياسەت بىلەن تۈزەر، ھەم ئاۋام خەلقنى شۇ تامان ئىلتەر. بەگلەر سىياسەت بىلەن ئېلىنى تۈزەر، (شۇڭا) يامانغا سىياسەت يۈرۈتمەك كېرەك.»(72)
«قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»
دىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىلار دەۋرىدە جىنايەتنى شەكىللەندۈرىدىغان قىلمىشلار دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا قىلىپ قويۇش، تاماق ۋە ئىچىملىكلەرگە زەھەر سېلىپ خان ۋە بەگلەرگە سۈيىقەست قىلىش، پىتنە-ئىغۋا تېرىپ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش، خاتا يول كۆرسىتىپ بىر-بىرىنى يولدىن ئازدۇرۇش، قەستلەپ پېيىگە چۈشۈش، قۇرۇق تۆھمەت چاپلاش، چېقىمچىلىق، بويۇنتاۋلىق قىلىش، ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك، مەككارلىق، ئالدامچىلىق، قاتىللىق، باسمىچىلىق، قاراقچىلىق، قىرغىنچىلىق، باسقۇنچىلىق، پارىخورلۇق، قىمار ئويناش ۋە ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار ئىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى جىنايى قىلمىشلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى ئۆزى بىلەن زامانداش بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن جىنايەت قىلمىشلىرى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىلىرىنى تولۇقلىسا، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەلۇماتلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ زامانلاردا ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشى «ئۆلۈت»(73) دېيىلسە، ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل «ئۆلۈتچى»(74) دېيىلەتتى. خاتا يول كۆرسىتىپ بىر-بىرىنى يولدىن ئازدۇرۇش «ئازىتتى»، «ئازدۇرماق» ۋە «ئازىتماق»(75)، دېيىلەتتى. كىشىلەرنىڭ پېيىگە قەستلەپ چۈشۈش «ئوغراش»(76)، ئالدامچىلىق قىلىش «تەۋلۈگ»(77) دېيىلەتتى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تەۋلۈگىلەندى» سۆزىگە بەرگەن «ئادەم ھىيلىگەر بولدى، ئالدامچىلارنىڭ يولىنى تۇتتى» شەكلىدىكى ئىزاھى بىزگە يەنە شۇ چاغدا قەبىلىلەر ئارا بولىدىغان ئۆچ ئېلىش، قىساس ئېلىش قاتارلىق قەدىمىي ئالامەتلەرنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىمۇ
مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلىتىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ خاتىرىلىشىچە، ئۇ چاغدا ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ بەگلىرى ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى دەپ دائىم توقۇنۇشۇپ تۇراتتى (7۸)، بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى پىستىرما قوياتتى (7۹)، خەنجەر تىقىشاتتى (80)، مانا مۇشۇنداق چاغلاردا بىر قەبىلىنىڭ ئادەملىرى يەنە بىر قەبىلىنىڭ ئادەملىرىگە ئوخشاش نىقابلىنىۋالاتتى. «ئادەم قارلۇقلاشتى» (۸۱)، «قىپچاقلاشتى» (۸2)، «ئادەم تۈبۈتلەندى» (۸3)، «تۈرك تاتلاشتى، تۈرك پارسلاشتى» (۸4)، «كەنچەكلەشتى» (كەنچەك قىياپىتىگە كىردى) (۸5)، «ئوغراقلاشتى» (ئوغراق قىياپىتىگە كىردى) (۸6)، «ئادەم ئوغۇزلاشتى» (ئادەم ئوغۇز قىياپىتىگە كىردى) (۸7) دېگەن قەيتلەر ئەنە شۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەلۇماتىچە، چېقىمچىلار «چامغۇت» (۸8) دېيىلسە، قۇرۇق تۆھمەت چاپلاش «يالالدى» ۋە «يالادى» (۸۹) دېيىلەتتى. بويۇنتاۋلىق قىلىش «ئارقۇقلىنىش» (۹0) دېيىلسە، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش «ئۈپلەش» (۹1) دېيىلەتتى. باسقۇنچىلىقنىڭ شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، دېدەكلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش «كۈچەندى» (۹2) دېيىلسە، ئوغۇل بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش «كۆتلەش»، «كۆتلەتتى» دېيىلەتتى (۹3)، پارىخورلۇق بولسا «ئۇرۇنچ» (۹4) دەپ ئاتىلاتتى. تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە قاراخانىلار ئىچىدىكى ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ھاكىمىيەت، تالىشىش، بايلىق تالىشىش يۈزىسىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ئۆزئارا قىرغىنچىلىق، سىياسىي سۈيىقەستلەر دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇراتتى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مىلادى 1056-يىلى يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتسەكلا كۇپايە. ئاكادېمىك
بارتولىدنىڭ «يەتتە سۇ تارىخىدىن ئوچېرىكلار» دېگەن ئەسىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇغراخان مىلادى 1056-يىلى ئەتراپىدا ئارسلانغاننى ئەسىرگە ئېلىپ ئۇنىڭ ئىدارە قىلىپ تۇرغان بارلىق يەرلىرىنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئالىدۇ. ئارىدىن 15 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلى چاغرى تىكىن ھۈسەيىننى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ۋارىس قىلىپ بەلگىلىمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆزىنىڭ كىچىك ئوغلى ئىبراھىمنى تەختكە چىقىرىشنى كۆزلەپ خانغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرىدۇ(95). مەھمۇد قەشقەرنىڭ قەيتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىلار دەۋرىدە بولىدىغان بۇنداق سۇيىقەستلەردە ئادەمنى تېز ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن «تالاغۇ» دېيىلىدىغان بىر خىل تېز ئۆلتۈرگۈچى زەھەر تاماققا ۋە ئىچىلىككە سېلىپ بېرىلەتتى(96). بۇ خىل زەھەر بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى ۋاقتىدا سېزىۋالسا زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن «ئۇرۇمتاي» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاش (پادىزەھەر) ئىشلىتىلەتتى(97). يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەيتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «تەرياق» (ئەپيۇن) دېيىلىدىغان بىر خىل زەھەر قايتۇرغۇچ بولۇپ، بۇمۇ ئوخشاشلا شۇ خىلدىكى زەھەرلەنگەنلەرگە بېرىلەتتى(98). بۇ دەۋرلەردە داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغان بۇنداق سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلارنى قاتتىق قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىگە چۈشۈرۈپ قويغان. بولۇپ، سۇيىقەستلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمرانلار بەزى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىمۇ قوللانغانلىقى مەلۇم. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن مەلۇم بولۇشىچە، «چاتۇق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ياغاچ بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزىدىن پىچاققا ساپ ياسىلاتتى ھەم شۇ پىچاقنىڭ سېپى بىلەن تا ماقتا زەھەرنىڭ بار ياكى يوقلۇقى تەكشۈرۈلەتتى. ئۇ، شورپا ۋە تاماققا سېلىنسا، تاماق (زەھەرلىك بولسا) ئوتسىز
قاينايتتى، قاچىغا سېلىنا ھورسىز تەرلەيتتى (99). پادىشاھلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس داستىخان ۋە ئۇرىق (كوزا) لىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «باشقىلار ئىشلەتمىسۇن» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن تامغا بېسىپ قويۇلاتتى. بۇنىڭ ئۈستىدىكى يېمەكلىك ۋە ئىچىلىككە پادىشاھتىن باشقا كىشىنىڭ يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئۇلاردا بىر كىشىلىكلا تاماق ۋە شاراب بولاتتى. مانا مۇشۇنداق تامغىلانغان كىچىك داستىخانلار «تامغالىق» (100) دېيىلەتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ گۇناھكارلارنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى بايانلىرىدا ھەممىدىن بەك دۆلەت ئىشلىرى جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن گۇناھكارلارنى، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ پىتنە-ئىغۋا تېرىغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنى، دۆلەت ئىشلىرىغا سادىق بولغان خادىملارنى خاتا جازالاپ قويماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كىشى مۇنداق ئۈچ ئىشتا ئۆزىنى كۆزەتمىسە ئۆزىنىڭ بېشىنى يەر، بىرىنچى، بەگلەرنىڭ سۆزىنى ئەستە چىڭ تۇتماق؛ ئىككىنچى، توپىلاڭ بولغان كۈنلىرى ئەلگە ساداقەت بولۇش؛ ئۈچىنچى، سارايدا ئۆزىنى تۈز تۇتۇپ يۈرۈش، يارامسىز ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق قىلىش. ئەگەر بۇ ئۈچ ئىشتا كىشى غەپلەتتە قالسا ھەرقانچە بۈيۈك بولغان بىلەنمۇ بېشى كېسىلگەي، سۆزدىن يانمىغان، ئامانەت سۆزنى چىن، تولۇق سۆزلىگەن ئەلچىگە ئەيىب يوق. ئەلچى راست گەپ قىلسا قىينىماسلىق كېرەك. ئىشتىكەن سۆزنى چىن يەتكۈزسە، بۇنداق ئەلچىگە قىيناش ۋە ئۆلۈم بۇيرۇلماس. پاسات قايدا بولسا بەخت توزۇپ قاچار، پاسات دائىم بەگلىكنى بۇزۇپ يۈرەر. پىتنىچى دائىم جاھان پىتنىسىنى تېرەر، (شۇڭا) ئۇنىڭ كاللىسىنى كەس. قىلىچ، تاياق، قامچا يامانلارغىدۇر. يامانلار يامانلىقنى قويمسا جازانى كېمەيتمە، ھامان قامچا ئۇر. ئەگەر يامانلار تاياق
يەپ تۇرۇپمۇ تۈزەلمىسە سەن ئۇلاردىن مۇمكىنقەدەر ساقلانغىن (101).
« تۈركىي تىللار دىۋانى » دىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىلار خاندانلىقى دەۋرىدە بەگلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان قاماقخانا (تۈرمە)لىرى بولۇپ، ئۇ « قىسخ » دەپ ئاتىلاتتى (102). بارسىغان شەھىرىدە قاماقخانا ياكى زىندانلار « تۈنەك » (103) دېيىلەتتى. خان ۋە بەگلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن سىياسىي ۋە جىنايى ئىشلار گۇناھكارلىرىغا ئالىي جازا ھۆكۈم قىلىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇيتتى. جىنايى جازانىڭ تۈرلىرى ئون نەچچە خىلدىن ئاشاتتى. بۇلارنى چوڭ جەھەتتىن ئۆلۈم جازاسى، قاماق جازاسى، تەن جازاسى، سۈرگۈن جازاسى ھەم قىزغۇت جازاسى دەپ بىرقانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
ئۆلۈم جازاسى قىلىچ بىلەن كاللىسىنى چېپىش (104) دارغا ئېسىش (105) ۋە بوغۇش (106) قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىجرا قىلىناتتى. باش كېسىدىغان جاللات « چاپتىغان ئەر » (107) دېيىلەتتى.
« تۈركىي تىللار دىۋانى » دا قەيت قىلىنغان « بەگ ئوغرىنى قاماتتى » (108)، « بەگ ئوغرىنى تۇتتۇردى » (109) دېگەن مەلۇماتلار بىز دەۋاتقان قاماق جازاسىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، قاماق جازاسى ئەينى زامان تىلى بويىچە ئېيتقاندا « بەكلەتتى » دېيىلەتتى. بۇ « تۇتقۇن » قىلىش (110) بولۇپ، تۇتقۇنلار تۆلەم بىلەن بوشبىتلاتتى (111).
تەن جازاسىنىڭ تۈرلىرى ھەر خىل بولۇپ، بۇ قۇللارغا قوللىنىدىغان تەن جازالىرىنى ۋە جىنايى ئىشلار گۇناھكارلىرىغا قوللىنىدىغان تەن جازالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « بوشلاغلاندا بۇخسوقلانۇر » (بويۇنتاۋلىق قىلسا بوينى زەنجىرلىنىدۇ) (112) دېگەن تەمسىلدىن قارىغاندا، ئىشتا ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان، نەسىھەتكە
قۇلاق سالمىغان، ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىغان قۇللار ۋە ئەركىن خەلقلەرگە زەنجىرلەش جازاسى بېرىلەتتى. ئەسىر ۋە قۇللارنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان زەنجىر « بوخسوق » (113) دېيىلەتتى. « ئادەم قولىنى كىشەنلىدى » (114) دېگەن مەلۇمات قۇللارنىڭ كىشەنلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ تۇرسا، « قۇل بوينى كەرتىلدى » (قۇل بوينىغا ئەن سېلىندى) (115) دېگەن سۆزلەر قۇللارغا ئەنلەش جازاسىنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا. « تۈركىي تىللار دىۋانى » دىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ دەۋرلەردە « ئاتىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئاتىدىن كېيىن بالىغا ئارتىلاتتى » (116). ئوغرى جىنايەتچىلەر قولغا چۈشكەندىن كېيىن يەڭگىللىرى قامچا ياكى چىۋىق بىلەن ئۇرۇلاتتى، بۇنداق قامچا ياكى چىۋىق « بەرگە » (117) دېيىلەتتى. ئېغىرلىرى باستۇرۇققا بېسىلاتتى (118). پۇتىغا قۇۋۇق سېلىناتتى، قۇۋۇق « بۇقاغۇ » ياكى « بۇقوغۇ » (119) دېيىلەتتى. پۇتىنى قىستۇرۇپ ئىسكەنجىگە ئالاتتى (120). گۇناھكارلارنىڭ جىنايىتىگە ئىقرار قىلىشى « كۆندى » (121) دېيىلسە، ئىقرار قىلدۇرۇش « كۆنىد گەردى » (122) ۋە « كۆنگەردى » (123)، دېيىلەتتى، گۇناھ « يازۇق » (124)، گۇناھكار « يازۇقلۇغ » (125)، قولغا ئېلىپ جازالماق « يازۇقلىماق » (126) دېيىلەتتى.
بەگلەر گۇناھكارلارنى يىراق جايلارغا سۈرگۈن قىلىپ پالايتتى. بۇ « سۈردى » (127) ۋە « سۈرۈلدى » (128) دېيىلەتتى. باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن گۇناھكارلارغا جامائەتنىڭ ئالدىدا توختىتىپ بېرىلىدىغان بىر خىل جازا بار ئىدى، ئۇ، ھازىرقى كۈندىكى كوچىغا ئاچىقىپ سازايى قىلىشنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ « قىزغۇت » (129) دەپ ئاتىلاتتى. بىرەر ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتقانلىقى ياكى دەككە يېگەنلىكى، ياكى شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ پەندىيات چەككەنلىكى « قېزىلدى » (130)،
« قىزغۇردى » (131) ياكى « قىزغادى » (132) دېيىلەتتى. گۇناھكارلارنىڭ ئۆز گۇناھىغا توۋا قىلىشى « ئۈكۈنچ » (133) دەپ ئاتىلاتتى.
خان، بەگلەر ئۆزلىرى گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قارىتا خالىغان چاغدا ئاختۇرۇش ئېلىپ باراتتى. ئۆي ئاختۇرۇش « يىندى »، « يىندتى » (134) ۋە « يىندۇردى » (135) « تۇربۇن » (136)، « ئۈشەل » (137)، « ئۈشەتتى » (138)، « ئارقادى » (139) (ئۇغۇزچە) دېيىلەتتى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كىتابىدىن بىلگەنلىرىمىزدىن قارىغاندا، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى فېئودال خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالغاندىن تاشقىرى يەنە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاشقا دائىر بەزى تۈزۈملەرنىمۇ ئورناتقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خان، بەگلەر خىزمەت كۆرسەتكەن خادىملارنى نۇرغۇن تارتۇقلار بىلەن ئالاھىدە مۇكاپاتلايتتى. بۇ « خان مۇكاپاتى » ئىدى. ئۇ « ئاچىغ » (140) دېيىلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بەگلەر بەزى چاغلاردا ئۆزىنى خەلققە تالاتقۇزاتتى، يەنى ئۆزىنىڭ مال-دۇنيالىرىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ مەلۇم ئۈلۈش ئېلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلاتتى. بۇ « يۇلۇتتى » (141) دەپ ئاتىلاتتى.
گەرچە ھۆكۈمران سىنىپلار خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداپ پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشنى مەقسەت قىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى مۇكاپاتلاش ۋە ئېسان قىلىش تۈزۈملىرىنى ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە چېتىلىپ ھاكىمىيەتكە تەھدىت كەلتۈرىدىغان ئىشلاردا يەنىلا قاتتىق ۋە رەھىمسىز بولغان جازانى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتى. بۇ پۈتۈنلەي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىلگىرى گۇناھ
قىلىپ كېيىن گۇناھىغا توۋا قىلغان بەزى ئۆزگىرىش ئىپادىسى بار ئازغان. كىشىلەرنىڭمۇ جىنايى جازانىڭ سىرتىدا قېلىشى ياكى پەرقلەندۈرۈلۈپ كەڭچىلىككە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ جىنايەتنى جازالاش توغرىسىدىكى بايانلىرىدا مانا مۇشۇ بىر دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قانۇن-تۈزۈملىرىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقان جازادا قاتتىق بولۇشنى قانداق قىلىپ جازادا يەڭگىلرەك بولۇشقا ئۆزگەرتىش، شۇ ئارقىلىق بەزى يېنىك جىنايەتنى ئېغىر جازالاپ نارازىلىق ۋە ناھەقچىلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسىدە مۇكاپاتلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، جازالاشتا ئىمكان قەدەر ئېغىر بېسىق ۋە كەڭ قول بولۇش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋاقتىدا دەلىل-ئىسپاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈلگەن ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش، ئېلىنغان گۇۋاھلىق ئىسپاتلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىپ چىقىپ، يالغان ئىسپات ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى جازالاش قاتارلىق ئىنچىكە پرىنسىپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ناھايىتى ئېنىق ۋە كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خەلقنىڭ خۇي-پەيلى ئۆزگىرىپ بۇزۇلسا، ئۇنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تۇتۇپ تۈزمەت. ئېھان قىلىدىغان چاغدا تولا ئالدىرا، جازالاشتا ئېغىر بول. خادىملارنىڭ خاتالىقى بولسا ئۇنى چاقىرتىپ كېلىپ خاتالىقنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىماق كېرەك. گۇناھى بار بولسا تۇتۇپ جازالاش، بولمىغان بولسا دىلنى ئاۋۋتماق كېرەك. بەگ مۇلايىم ۋە كۆڭلى ئوچۇق بولسا، گۇناھلىق كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرسە، قوشۇن-ئەل ئىسسىنىپ كۆيۈمچان بولۇر،
كۆيۈمچان كىشىلەر ئىشچان بولۇر، بىرەر ئىشنى تەكشۈرمەكچى بولساڭ تېگى-تەكتىگىچە سوراپ تەكشۈرگىن، ئۇنىڭدىن نېمە چىقسا شۇنىڭغا قاراپ ھۆكۈم چىقارغىن، سۆزلىگۈچىنىڭ ھەممە سۆزىنى ئاڭلا، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈڭگە كېرەكلىكىنى ئال، كېرەكسىزلىرىنى تاشلا، راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، راستلىرىنى قوبۇل قىل، چېقىمچىلىق قىلىپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى جازالا (142).
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشتا قاتتىق بولۇش ئىدىيىسىدە ئەقىلدىن ئاداشقان روھىي كېسەللەرگە جازا بىلەن مۇكاپاتنى باپ كۆرمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر تەلۋە كىشى بىر ئەرنى راست ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم يوق، قىساس ئېلىنماس، نېمىشقا دېسەڭلار ئۇ ئەقىلدىن ئاداشقان، ئەقىلسىز ئادەم مۇكاپات ۋە جازاسىز ئېرۇر» (143).
جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىسى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ھەرقانداق دۆلەتتە ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، سەزگۈرلۈكى بەك كۈچلۈك بولغان رېئال مەسىلە. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسىدە ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دەۋردە ھەر خىل جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ھەر يەردە قاتراپ قاتىللىق، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاراقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۇقرالارنىڭ نورمالنى تىرىكچىلىك قىلىشىغا كۈچلۈك تەھدىت سېلىپ تۇراتتى. يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان قاراقچىلار «سەركەر» (144)، مال بۇلىغۇچىلار «تاۋار قاپغۇچى» (145) دېيىلەتتى. ئادەتتىكى ئوغرىلىق «قوندى» (146) دېيىلسە، مەخسۇس سودىگەرلەرنىڭلا مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ ئېلىۋېلىپ ئۇلارنى يالىڭاچلاپ قويۇش
قاتارلىق بۇلاڭچىلىق خاراكتېرىدىكى ئوغرىلىق «چۇبارتتى» دېيىلەتتى(147)، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان جىنايى قىلىشلارنىڭ سادىر بولۇپ تۇرۇشى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزەرىدە قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقى، جازالاشنىڭ قاتتىق ۋە كەسكىن ئەمەسلىكىدىن دەپ قارالغان. شۇڭلاشقا ئۇ، بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر كۆرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «شەھەر-كەنت ئىچىدىن ئوغرىلارنى تازىلا، كارۋان مۇساپىرلارنى ئەمىن يۈرۈت. پۈتۈن يوللارنى ئەمىن قىل، قاراقچى ۋە ئوغرىلارنى يوقاتقىن. ئەل ئىچىدە زوراۋاننى بوقات، يۇرت تېشىدا قاراقچىنى تۈگەت. ياماننىڭ خۇلقىنى جازالا-تۈزەت، يامانغا پەقەت يامانلىق يارىشۇر. (شۇڭا) يامانغا يا زەنجىر، ياكى زىندان كېرەك.»(148) «قۇتادغۇبىلىك» تە «غەليان»، «مالىمان»، «توپىلاڭ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئۇچرايدۇ ھەمدە خان، بەگلەرگە «خەلقنىڭ مالىمانىدىن يىراق تۇر، ئامىنىڭ توپىلىڭىدىن يىراق قاچ»(149) دەپ خىتاب قىلىنىدۇ. ھەرگىز خەلقنىڭ مالىمانىنى، ئامىنىڭ توپىلىڭىنى جازالا ياكى باستۇر، دېگەن سۆز ئۇچرىمايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمى ۋە قاتتىق جازالىرىغا چىدىمىغان ئەمگەكچى مېھنەتكەشلەرنىڭ ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقپەرۋەر قەلەم ئىگىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تىلىدا شۇ زامانلاردا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئوردا تەلەپپۇزى بويىچە سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى ئازايتىپ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن خەلقنىڭ رايىغا باقىدىغان جىددىي تەدبىرلەرنى كۆرۈشىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىلغان دانىشمەنلەرچە نەسىھەتتۇر.
ئالتىنچى، ئەدلىيە خادىملىرىنى قاتتىق تاللاپ، قانۇننىڭ ئادىل توغرا ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش
ئەدلىيە خادىملىرىنى قاتتىق تاللاپ، قانۇننىڭ ئادىل ۋە توغرا ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش — يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، دۆلەتنى روناق تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت قانۇنچىلىق ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا تارىختىكى بارلىق ئىلغار تەرەققىيەرۋەر قانۇنشۇناسلار تەرىپىدىن ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ تەنقىق قىلىنغان تېما. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، ئەلدە توغرا ۋە ئادىل قانۇن تۈزۈلۈشتىن تاشقىرى يەنە قانۇننى توغرا، ئادىل ئىجرا قىلىدىغان، پاك-دىيانەتلىك بىر تۈركۈم ئەدلىيە خادىملىرى بولۇشى لازىم ئىدى. شۇ چاغدىلا قانۇننىڭ ئادىل ۋە توغرا ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاپ، دۆلەتنى تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ خان، ۋەزىر، بەگ، ھاجىپ، قازى، مۇختەسىپلەرنى قانۇن تۈزگۈچىلەر ۋە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلار دەپ قارايدۇ. ئۇ، بىرىنچىدىن، يۇقىرىقى قانۇن تۈزگۈچى ۋە ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلارنى ناھايىتى ياخشى تاللاش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا قانۇن ئىلمىنى ئۆگىنىشنىڭ لازىملىقىنى، ئۈچىنچىدىن، ئۇلارنىڭ قانۇن سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش لازىملىقى، قانۇن بىلەن تەرتىپنى ئۆزى
تۈزگەن تۇرۇقلۇق ئۆزى بۇزماسلىقنى، قانۇننىڭ ئاكتىپ ئىجراچىلىرىدىن بولۇشنىڭ لازىملىقى، شۇنداقلا كەسپىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « (ئەدلىيە خادىملىرى) خەلقنى قانۇن بىلەن تولۇق كۆزەتسۇن. ئەلدە يارامسىز قىلىقلار يوقالغان بولسۇن، قانۇن بىلەن تەرتىپنى بىز تۈزىمىز، ئۇنى يەنە ئۆزىمىز بۇزساق ياراشقايمۇ؟ دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزگۈچى خادىملىرى راست بىلەن يالغاننى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتەلمىسە، ئۇنى قانداقمۇ قانۇن تۈزگۈچى دېگىلى بولسۇن؟ » (150)
يەتتىنچى، ھەم قانۇننىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم روھنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەش
ھەم قانۇننىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم روھنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەش — يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكام ۋە ئەركانلىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مۇھىم بىر بەلگە.
« قۇتادغۇبىلىك » تە، گەرچە ئىسلام قانۇننىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان « قۇرئان »، « ھەدىس » شۇنداقلا شەرىئەتشۇناس ئۆلىمالارنىڭ قانۇن تەفسىرلىرىدىن نەقىل ئېلىنىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا قانۇنشۇناسلىق كۆز قاراشلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە دىن كۆز قاراشلىرى بىلەن، قانۇن-مىزانلارنىڭ ئەخلاق ۋە دىنىي مىزانلار بىلەن بولغان يېقىنچىلىقىنىڭ بەزى روشەن ئامىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ، ئالدى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھۆكۈمرانلار ئاللا تەرىپىدىن تىكلەنگەن، دېگەن ھۆكۈمرانلىق ئىدېئال
چۈشەنچىسىدە، ھۆكۈمرانلارنى ئادىل قانۇن تۈزەشكە يېتەكلەپ ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىش بىلەن ئاخىرەتتە ياخشى كۈنگە ئېرىشىشكە مۇمكىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۈندەشلىرىدە شۇنداقلا خۇدا ئالدىدا قۇل بىلەن بەگنىڭ مەرتىۋىدە ئوخشاش ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدا ئىپادىلەنگەن.
ئۇ، مۇنداق دەيدۇ:
«بەگلەر خۇدادىن قويۇلغان ئېرۇر. قايسى ئەلدە قانۇن تامامەن ياخشى يولغا قويۇلىدىكەن، تەڭرى بۇ بەگلىكنى جەزمەن ئۆرە قىلىدۇ. بەگلەر خەلققە توغرا قانۇن تۈزۈپ بەرسە، قىيامەتتە ئۇنىڭ كۈنى ياخشى بولغاي. قۇل بىلەن بەگ ھەر ئىككىلىسى خۇدانىڭ قۇلى، بۇ قۇللۇقتا ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ئوخشاشتۇر. پېقىر ۋە بايلار ھەر ئىككىلىسى ئۆلۈمدىن كېيىن قارا يەر قېتىدا باراۋەر بولۇرلەر. ناۋادا قانۇن بىلەن ئەلنى باشقۇرىدىغان خانلار بولمىغان بولسا، خۇدا يەتتە قات زېمىننى بۇزغان بولاتتى.» (151) يۈسۈپ خاس ھاجىپ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدىغان سۈييىكتىپ جەھەتتىكى ئامىلنى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئادەمنىڭ تەقدىرىگە تەن بېرىپ ئۆز رىزقى بويىچە يېمىگەنلىكىگە تۈگۈنلەيدۇ ھەم گۇناھكارلارنى خۇداغا ئىشىنىپ ئۆز ئۈلۈشى بويىچە ئاش-نان يېيىشكە ئۈندەيدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ:
«ئوغرى، مەككار، ئالدامچى، قاتىل، باسمىچى، قاراقچى ۋە قىرغىنچىلار تامامەن كىيىم-گال ئۈچۈن مال يىغار، ئۇلار بىلىمسىزلەردۇر. بۇ قىلمىشلار بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ قىلىقىدۇر. ناۋادا ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەن بىلىملىك كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، (ئۇ ھالدا) ئۆز ئۈلۈشى بويىچە ئېشىنى تولۇق يەيتتى.» (152)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئۇچرايدىغان قانۇن ئاتالغۇلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇنىڭ تەڭرى ئىرادىسى بىلەن قانچىلىك چىپىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ، گۇناھ قىلغان ئادەمنى قاماش، قىيناش، زىندانغا سېلىش قاتارلىق جازاغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى دىنىي ئېتىقاد نۇقتىسىدىنمۇ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ، بۇ دۇنيانى زىندانغا ئوخشىتىدۇ. ئۇ: « ئادەم ئەلەيھىسالام گۇناھ قىلغاچ تەڭرى ئۇنى قىينىدى، دۇنيانى زىندان قىلىپ ئۇنى قامىدى » دەيدۇ (155)، بۇ قاراش ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىكى ئىنكاسى بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، بۇ يەردە گۇناھنى « يازۇق »، تەڭرىنى « بايات »، ئادەم ئەلەيھىسالامنى « ئايا »، زىنداننى « تۈنەك » دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ تەڭرى جازاسى ئۈستىدە گەپ قىلىۋېتىپ، گۇناھنى « يازۇق »، زىنداننى « تۈنەك » دەپ ئاتىشى ئۇنىڭ خان، بەگلەرنىڭ گۇناھكارلارغا قوللىنىدىغان ئەمەلىي جازالىرىغا بەرگەن تەبرىلىرىگە ئوخشايدۇ. تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەگلەرنىڭ جازالىشى بىلەن تەڭرىنىڭ جازالىشى شۇ ۋاقىتلاردا سۆزدە بىر مەنە ئاڭلىتىپ، ئوخشاشلا « قىينادى » دېيىلەتتى (154).
دېمىسمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتۈپ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ دۆلەتتە « جىنايەت » ۋە « جازا » نىڭ ئۇقۇملىرى تېئولوگىيىلىك مەزمۇن بىلەن بىر ئىدى. شۇڭلاشقا قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆز دەۋرىنىڭ قانۇن-مىزانلىرىغا خىلاپ ئىش قىلغانلارنى « يازدى » (گۇناھ ئۆتكۈزدى دېگەن مەنىدە) دەپ جازالايتتى. بۇنداق جازالاش ئۇلارچە « بايات » (ئاللا) ئىرادىسىنىڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدە ئەكس ئېتىشى ئىدى. چۈنكى، ئۇ زامانلاردا مۇنداق بىر ئۇقۇم يەنى
«ئادىل پادىشاھ بەندىلەرنىڭ بېشىدىكى خۇدانىڭ سايىسەدۇر» دېگەن ئۇقۇم ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا ئىدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالار ئىچىدىكى «گۇناھكار» لارغا بېرىلىدىغان جازالار ئاللانىڭ نامىدىن ھۆكۈم قىلىنىپ، ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىناتتى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە «گۇناھكار»، «يازۇقلۇغ» لارنىڭ «گۇناھ» تىن كېچىش ياكى گۇناھىنى ساقىت قىلىش، كۆپ «ئازاب» لانغانلارنىڭ «شەپقەت»، «رەھمەت» كىمۇ ئېرىشىشى، «جازا» نىڭ «ئازابى» دىن قاتتىق قورقۇپ، «رەھمەت» نى كۈتۈپ تۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نازۇك مەسىلىلەر بۇسۇپ خاس ھاجىپتا «بايات» (خۇدا) نىڭ نامى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇ، «قۇتادغۇبىلىك» تە؛ «گۇناھكار قۇلغا خۇدانىڭ پەزلى بار»، خۇدانىڭ «ئازابى كۆپ بولسا، رەھمىتىمۇ كۆپ»، شۇڭا گۇناھكارلار «ئازابتىن قاتتىق قورقۇش، رەھمىتىنى كۈتۈش» كېرەك، دەيدۇ (155). جازالاش بىلەن كەڭچىلىك قىلىش، جازالىنىش بىلەن كەڭچىلىككە ئېرىشىش ئەزەلدىن قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى ئەجەللىك مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ جېنى كىمنى قۇل قىلىش ۋە كىمگە قۇللۇق قىلىش، قانداق قۇل قىلىش ۋە قانداق قۇللۇق قىلىش مەسىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. دىننىڭ ئاسارىتىدىكى قۇللۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەتتە، قۇللۇق قىلغۇچى قانۇن ئۇقۇمىدىن ئېيتقاندا، «گۇناھكار» دۇر. قۇل قىلغۇچى بولسا، ئەنە شۇ «گۇناھكار» نىڭ «گۇناھ» نى ئۆلچەپ، ھۆكۈم قىلىپ جازا كەسكۈچىدۇر. شۇڭلاشقا، «گۇناھكار» لار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ «گۇناھ» نى كېمەيتىش، ساقىت قىلىش ۋە كەڭچىلىككە ئېرىشىش يولىدا ھۆكۈم قىلىپ جازا كەسكۈچىگە قۇللۇق قىلىش
مەسىلىسى مەۋجۇت. مانا مۇشۇنداق قىلىنىدىغان «قۇللۇق» يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزەرىدە «خۇدانىڭ ئەدلىدىن چۆچۈپ يۈرۈش»، ئۇنىڭ «پەزلىدىن ھەمشە ئۈمىد كۈتۈپ تۇرۇش» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ۋە مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ، دەپ قارالغان. شۇڭا بۇ، قۇللۇقنىڭ مەزمۇنى «قۇتادغۇبىلىك» تە: «ھەمشە خۇدانىڭ ئەدلىدىن چۆچۈپ يۈرۈش، ئۇنىڭ پەزلىدىن ئۈمىد كۈتۈپ تۇرۇش» تىن ئىبارەت دەپ بەلگىلەنسە، بۇ قۇللۇقنىڭ دائىرىسى «مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ»، «گۇناھ يۇقمىسۇن دېسە، قۇلى ئەقىللىك، ئويغاق، ھوشيار تۇرغۇلۇق» لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن (156).
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يەنە بىر مەسىلە باركى، يەنى ئۇ بولسىمۇ قانۇننىڭ خۇدا تەرىپىدىن تۈزۈلۈشى ۋە ئاخىرەت جازاسى ھەققىدىكى بايانلىرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، خۇدا ئادەمنى دوزاخ ياكى جەننەت ئۈچۈن ياراتقان، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يەنە قايتا تىرىلىدۇ. ئاللا — ئادىل قانۇن تۈزگۈچى ھەم سوراق قىلىپ ھېساب ئالغۇچى، ئىنسان ھېساب بەرگۈچىدۇر. ئىنسانلار پانىي دۇنيادا قىلغان ئىش-ئەمەللىرىدىن ئۇ دۇنيادا ئاللا ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ. ساۋابلىق ئىشلارنى قىلغان بولسا جەننەتكە كىرىدۇ، گۇناھ قىلغان بولسا دوزاخقا تاشلىنىپ جازاغا تارتىلىدۇ. ئۇ، بۇ ئىدىيىسىدە «ئاللا»، «گۇناھ»، «ساۋاب»، «دوزاخ»، «جەننەت» دېگەنلەر ئۈستىدە خېلى كۆپ توختالغان بولسىمۇ، ئۇنى ئېزىلگۈچى مېھنەتكەشلەرنى ئېزىش ھېسابىغا ئۆزى پاراغەت كۆرىدىغانلارغا يان بېسىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەزگۈچى كۈچلەرنىڭ كەيپ-ساپا تۇرمۇشقا بېرىلىپ كەمبەغەللەرنىڭ
پېقىرلىق تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن ئىبارەت جىنايى قىلىشقا خاتىمە بېرىش ۋە ئۇنى چەكلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، بۇ ھەقتىكى ھەر بىر بايانلىرىدا ئۇلۇغلۇققا گۆۋىنىپ، زەۋق-ساپا قوغلىشىپ، ھاياتىنى يەپ-ئىچمەك بىلەن ئۆتكۈزگەن ھۆكۈمرانلارغا، بەڭباش يۈرگەن خەلق ئۆكتەملىرىگە، ئۆز مەيلىچە يۈرگەن گۇناھكار مەئىيۇپلارغا ھەرقاچان، ھەر زامان ئاللانىڭ قانۇنى ئالدىدا ھېساب بېرىشكە تەييارلىنىپ تۇرۇشى لازىملىقىنى ئوچۇق ئۇقتۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرەتلىك بايات ئادەم ئوغلىنى ئىككى ئىش ئۈچۈن يەنى دوزاخ بېگى ۋە جەننەت بېگى بولۇش ئۈچۈن ياراتتى. قادىر ھەق-ئادىل قانۇن تۈزگۈچى، ئۇنىڭ ئۆزى ياراتقان پۈتۈن خەلققە كۈچى يەتكەي. ئاخىرەتتە خۇدادىن سوراق بولىدۇ، خۇدا سورىقى گۇناھكارغا تۇزاق بولىدۇ. قىيامەتتە تەڭرى سېنىڭدىن سورايدۇ، خالاسىڭ ئۈچۈن جاۋابنى تەييار قىل. كىم مەست بولۇپ ئۇلۇغلۇققا گۆۋىنىدىكەن، شۇ قارا يەر تېگىدە جازاسىنى يەيدۇ. خۇدا بوينۇڭغا ئامانەت يۈكلىگەن، ئېلىڭدە كېچىسى بىرەرى ئاچ قالسا، تەڭرى سېنىڭدىن شۇنى سورايدۇ. زەۋق-ساپا قوغلاشما، ئۇنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر. بەڭباش يۈرگۈچى خەلق ئۆكتەملىرىگىمۇ ھەقنىڭ سورىقى بار، جاۋابنى تەييارلاش كېرەك، مەيلىچە يۈرگەن گۇناھكار مەئىيۇپلاردىنمۇ ھەق بىر كۈنى سوراقچى بولۇپ سورايدۇ.» (157)
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نۇرغۇن سەھىپىلىرىدە «ھارام»، «ھالال»، «ئەزىز»، «خار»، «ئۇ دۇنيا» ۋە «بۇ دۇنيا» دېگەنگە ئوخشاش قويۇق ئىسلام پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان خاس دىنىي ئاتالغۇلار ناھايىتى جىق ئۇچرايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندە ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارنى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئەيمىندۈرۈپ
گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىككە يېتەكلىكەن ئەقىدىلىرىنى شەرھلەش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەقىدىلەرنى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ رېئال ھاياتىغا ئىنچىكە تەتبىقلاپ، ئۆزىنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىكى خەلقپەرۋەرلىك مەيدانى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. ئۇ، ھۆكۈمرانلارغا ھالال بىلەن ھارامنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھالال ياشاپ ھارامدىن ساقلىنىش، خۇدانىڭ كۆرسەتكەن يولى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئادالەت يولىنى تۇتۇپ، ئۆزىنى خار قىلماي ئەزىز قىلىش، كىشىلەرنىڭ مېلىنى ئالماسلىق ۋە قان تۆكمەسلىك، بۇ دۇنياغا بولغان ھېرىسەنلىكنى تاشلاپ، ئۇ دۇنيانىڭ بەخت-پاراغىتىنى ئىزدەش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ.
ئۇ، مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسان ئۆزىنى ھارامدىن توسمىقى كېرەك، ھارام يېگۈچىنىڭ ئورنى دوزاخ تېگى بولىدۇ. ھالالغا ھېساب، ھارامغا ئازاب بار. ئەگەر كىشى خۇدادىن قورقىدىغان بولسا، شەك-شۈبھىسىز توغرا يولنى تۇتار. خۇدا ئىنساننى بۇ دۇنيادا خار ياكى ئەزىز تۇرۇشقا ياراتتى ۋە ئەزىزلىك بىلەن خارلىقنىڭ يولىنى ئايرىپ كۆرسەتتى. بۇ دۇنيا مۇسۇلمانغا بىر زىنىداندۇر، بۇ زىنىداندىن كۆڭۈلنى ئۈزۈپ، ھۇزۇر كۈتمەسلىك كېرەك. يۈز ئۆرۈپ بۇ دۇنيانى تاشلاش زۆرۈر، شۇ چاغدا ئۇ دۇنيا قولۇڭغا كېلۇر. ئۇ دۇنيادا ياخشى چاي تاپماق ئۈچۈن ئىنسان جاھان ئارزۇسىنى تامام تاشلىغاي. بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى تولۇق تەرك ئەتمەي تۇرۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى قىلغىلى بولماس. ھەۋەسنىڭ بويىنىنى ئۈزۈۋەتسىگۈچە ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ھەق-رۇسلۇق يولنى تاپالماس. غاپىل بولما، بولساڭ بەگلىك كېتەر، غاپىل ھەر ئىككى جاھاندا ئاھ چېكەر. كىشى مېلىنى ئالما ھەم قان تۆكمە، بۇ ئىككى
گۇناھتىن جان ئىگراپ چىقار، ئۇ دۇنياسى تاپاي دېسەڭ ئادالەت يولىنى تۇت، دوزاختىن يىراقلاشقا تىرىشقىن، دائىم ياخشىلىق قىل، خۇدا سېنى ساقلايدۇ» (158).
ناھايىتى روشەنكى، بۇسۇپ خاس ھاجىپ بۇ ئىدىيىسىدە «ئەزىز»، «خار» كەلىمىلىرىگە بۆلەكچە تەبىر بېرىپ، ئېزىز-خار بولۇشىنى قايداقتۇر «ئېسىلزادىلەر ئەزىز، تېگى پەسلەر خار» دەپ ئەمەس بەلكى ئادالەت يولىنى تۇتقانلار ئەزىز، جاھالەت يولىنى تۇتقانلار ئەزىز، جاھالەت يولىنى تۇتقانلار خار، ئەزىزلەر جەننەتكە كىرىدۇ، خارلار دوزاخقا كىرىدۇ، دەپ تەرىپلەيدۇ، ئۇ، «ھالال»، «ھارام» كەلىمىلىرىنى ئىسلام دىنىدا ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن يېيىشكە رۇخسەت قىلىنغان يېمەكلىكلەر بىلەن يېيىش مەنئى قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە خىزمەت قىلدۇرۇشتىن كۆرە، ئەڭ مۇھىمى ئىنساننىڭ ساپ مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەن ھالال دۇنياسى بىلەن باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش بەدىلىگە كەلگەن ھارام دۇنياسىنى پەرقلەندۈرۈشكە خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئەلا بىلىدۇ.
ئۇ، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئەخلاقىي-پەزىلىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى قانۇننىڭ بۇزۇلغانلىقى دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇ قانۇننىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىكى قانۇنسىز ئەمەلدارلارنى گۇناھكارلارنى جازالىغاندەك جازالاپ قامچىلاش ياكى زىندانغا تاشلاشنى سۆزلىمەيدۇ، ئۇ، خان، بەگلەرنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىقا ۋە بايلىق توپلاشقا كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن خانلىقتا بۇلقىنىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خۇسۇسىي ئىمتيازلارنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ، جاھاندا پارىخور، مۇناپىق ئەمەلدارلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇنداق مۇناپىق، پارىخور ئەمەلدارلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى ئېغىزغا ئالمايدۇ، ئەكسىچە،
پارىخورلۇقنى خۇددى يالغۇز «ھاجىپ» لار بىلەن «پۈتۈكچى» لەرلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خاس قىلمىشتەك ھالەتتە يەڭگىل سۆزلەيدۇ ۋە خان، پادىشاھلارنى ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇشقا، ئاچكۆز بولماسلىققا، قانائەتچان بولۇشقا تەنبە-نەسىھەت قىلىش يولى بىلەن ئۈندەيدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» كە قارايدىغان بولساق، پارىخورلۇق ھەققىدىكى بايانلار پەقەت داستاننىڭ 31-بابى — «ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۇلۇغ ھاجىپلىققا قانداق كىشى لازىملىقى توغرىسىدا ئېلىگكە ئېيتقانلىرى» دىن باشقا بابلاردا تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ:
«ھاجىپلار ئىشنى پارا ئالماي قىلسۇن، يىراقلارنى بەگكە يېقىن ئەيلىسۇن. كۆزى توق ئادەم پارا ئالماس. ھاجىپ پارا ئالما كۈلكىلىك بولۇر. ھەرقانداق ئوڭۇشلۇق ئىشنىمۇ پارا بۇزار، پىششىق ئاشنىمۇ پارا خام قىلار» (159). تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىلارنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋرىدە «مال-دۇنياغا بولغان تەمەگەرلىك سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، مال-دۇنيانى كۆرسە خۇددى تاپقا قونىدىغان ئۇس (تاپقۇش) تەك ئېتىلىدۇ» غان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنىدى (160). بۇنداق ھالەت تەبىئىي ھالدا خانلىقتىكى نەپسانىيەتچىلىك، چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق ئىللەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنى شۇ دەۋردە خەلق ئىچىدە تارقالغان خەلق ماقاللىرى تېخىمۇ ئوبرازلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ دەۋردە «قالىن بولۇتۇغ تۇپى سۈرەر، قاراڭقۇ ئىشخ ئۈرۈنچ ئاچار»، «تامۇ قاپۇغىن ئاچار تاۋار» ۋە «قارا بۇلتىغ يەل ئاچار، ئورۇنچ بىلە ئەل ئاچار» دېگەنگە ئوخشاش ماقاللار خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى بۇ ماقاللارنىڭ بىرىنچىسىنى
«بۇنىڭ مەنىسى ئاسماننى قاراڭغۇلاشتۇرغان بۇلۇتنى بوران ئاچىدۇ، پادىشاھلارنىڭ ئىشىكىدىكى قاراڭغۇلۇقنى پارا ئاچىدۇ، دېگەنلىك. بۇ ماقال پارا تەمەسىدىكى ئادەملەر ۋە پادىشاھلارغا قوللىنىلاتتى» (161) دەپ، ئىككىنچىسىنى «بۇنىڭ مەنىسى پارا دوزاخنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىدۇيۇ، باشقىنى ئاچالمامدۇ؟ دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرمەكچى بولغان كىشىنىڭ پارا بېرىش كېرەكلىكىگە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ» (162) دەپ، ئۈچىنچىسىنى، «بۇنىڭ مەنىسى قارا بۇلۇتلار ئاسماننى قاپلىۋالغاندا، ئۇنى شامال تارقىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشىكىنى پارا ئاچىدۇ، دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ماقال ئىشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن مال-مۈلكىنى ئايىماسلىققا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ» (163) دەپ شەرھلەيدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى رېئاللىقتىن ئۆزىنى چەتكە ئالمايدۇ ھەم ئۇنى تۈگىتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللانمايدۇ، ئەكسىچە پادىشاھلارنى ئۇياتلىق بولۇش، ئىنساپلىق بولۇش، ئاچكۆز بولماسلىق قاتارلىقلارغىلا ئۈندەيدۇ، خالاس. بۇنى ئۇنىڭ ياخشى ئەخلاقىي-پەزىلەتنىڭ كىشىنى يامان ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدىنلا ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا كىمگە ئۇيات، ياخشى خۇينى بەرسە، يەنە دۆلەت بىلەن كۆپ شان-ئابروينىمۇ بېرىدۇ. ئۇيات بىرلە ئەر كىشى ئابرويلۇق بولار، ئادەم كۆزى ئۇيات بىرلە نۇرلىنار. ئۇيات — ئىنساننى بارلىق يامان ئىشلاردىن توسقۇچى ھەم پۈتۈن ياخشى ئىشلارغا ئۇلاشتۇرغۇچىدۇر. ئۇيات كىمدە بولسا شۇ سىلىق خۇيلۇق بولىدۇ، ناچار ئىشلارغا ھەرگىز قول سۇنمايدۇ. كىشىنىڭ سەر خىلى ئۇياتلىق كىشىدۇر، ئۇياتلىق كىشى كىشىلەر بېشىدۇر. ئۇياتسىز كىشىلەر ئادەملەرنىڭ ئەڭ رەزىلىدۇر، ئۇلار دۇرۇس سۆز سۆزلىمەس. ئۇياتسىز كىشىنىڭ يۈزى بىر گۆشسىز سۆڭەكتۇر،
ئۇنىڭ كۆزى بولسا ئېتىلمەس تۆشۈكتۈر، ئۇياتسىز كىشىدىن تېزىپ نېرى تۇرۇش، ئۇياتلىققا ئالقىش ياغدۇرۇش، ئەدەبسىز پەسكە قوشۇلماسلىق كېرەك» (164).
مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ باشىغان دەۋردە، كەمبەغەل بىچارىلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى تەس بولۇپ، خۇددى مەھمۇد قەشقەرنىڭ كىتابىدىكى «قىشا لاي پاتقاقلار يۇغۇرۇلۇپ، ئۇيۇپ كېتىدۇ، يوقۇل-يوپۇنلار دۈگدىيىپ تۈگۈلۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى قورۇلۇپ، قوۋۇشماي قالىدۇ-دە، بىرەر پارچە چوغ بىلەن سۈيۈنۈپ كېتىدۇ» (165) دېيىلگىنىدەك ئىدى. ئەمما خان، پادىشاھ، بەگ، خېنىملار ھېچنېمدىن غەمسىز ھالدا ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالىق تۇرمۇش ئۆتكۈزەتتى. ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، زىنا قىلىش قاتارلىقلار ئۇ چاغدا ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ھۆكۈمرانلار تەبىقسىدىكىلەرنىڭ ئويۇن-تاماشىلىرىدا سازەندىلەر ساز چالسا، دېدەك قىزلار ناخشا ئېيتاتتى. ئۇلار مانا مۇشۇ يول بىلەن كۆڭلىنى خۇش ئېتەتتى. «دىۋان لۇغەت تۈرك» تىن مەلۇم بولۇشىچە، دېدەكلەر «كۈڭ» دېيىلەتتى (166) دېدەكلەر قورچاقتەك ياسىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا «قاچاچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل چىن دۇردۇننىڭ ئېتى ئىسىم قىلىپ قويۇلاتتى (167) كېنىزەكلەر «ئۈنچە» گە تەقلىد قىلىنىپ «يىنجۈ» دېيىلەتتى (168) سازەندە ۋە ناخشىچىلار «يىراغۇ» (169) دەپ ئاتىلاتتى. قىمار ئويناش ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلانغان بولۇپ، بەگلەر يارماقلىرىنى (170)، ساۋۇت-لىرىنى (171) تىكىپ قىمار ئوينايتتى. قىسقىسى، بۇ دەۋردە «ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ گۆشى بۇزۇلۇپ، ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىن يەردە سۆرىلىپ يۈرمەكتە (172) ئىدى. بۇ خىل ئەھۋاللار يۈسۈپ خاس ھاجىپتا «گۇناھ»، «يامان قىلىق» ۋە «بۇزۇقچىلىق» دەپ قارىلىدۇ، ئەمما قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلۈپ
ئەمەس بەلكى تەنبە، نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق توسۇش ھالىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ خانلىققا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «جاھان تۇتقۇچى ئويۇنغا بېرىلسە، دۆلەتنى بۇزار. جاھان خانلىرى شارابقا ئۆگەنسە، دۆلىتى ۋە خەلقى كۆپ زىيان چېكەر. يېڭى مەيخور، قوپال، بۇزۇق ئادەم بولسا، بارلىق خەلقى تولۇق ھاراقكەش بولۇر. مەي ئىچسە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن نەچچىسى تاشلىنىپ قالار، بولمىغۇر ئىشلاردىن نۇرغۇنلىرى بولار. خان مەي ئىچىپ ئويۇنغا بېرىلگەندە ئۇنىڭ ئېڭى دۆلەت ئىشىغا قاچان يەتكەي؟ خانلىقنىڭ ئىشىنى ۋاقتىدا قىلماسا، ئۇنى قۇش سېلىپ قوغلىسمۇ تۇتالماس. ھاراق ئىنساننى مىڭ گۇناھقا پاتۇرغاي. زىنادىن بەخت قېچىپ يۈز تۆكۈلەر. مۇبارەك بەخت بۇ قىلىقلاردىن قاچار، ئۇ، نەرگە يېقىرلىق يولىنى ئاچار. يېقىر بولماي باي بولاي دېسەڭ مەي ئىچسە. بۇزۇقلۇقتىن يىراق بولغىن. زىنا قىلما، ياسىق دەپ ئاتاق ئالما. كىشى غەيلەت ئىچىدە ياشاپ ئۆتسە، ئۆزىنى ئەيىبلىك ساناپ ئۆكۈنسۇن» (173). يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدىكى ئەھكاملىرى بىلەن بولغان تۇغقانچىلىقنى ئۇنىڭ خەير-ئېھاننى ئاللا يولىدا ساۋاب تېپىش مەقسىتىدە قىلىش لازىملىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىنمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ، خان، پادىشاھ، بەگلەرنى ۋە بايلارنى مال-دۇنيانى ھالالدىن تېپىشقا ۋە شۇ ھالالدىن تاپقان مال-دۇنيالىرىنىڭ بىر قىسمىنى كەمبەغەل، ئاجىز يېتىم-يېسىرلارغا ئۆلەشتۈرۈپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتتە ساۋاب تېپىشقا يېتەكلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاللا يولىدا قىلىنغان مۇشۇنداق خەير-ئېھانلار بەندىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلالايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ھالالدىن مال تېپىپ يېمەكلىك، يوقسۇلغا بىر قىسمىنى بەرمەكلىك كېرەك. پېقىرلارغا كۈمۈش، مال-تاۋار بەرسەڭ، خۇدا خالسا گەر بالانى توسار. كىشى بۇ دۇنيا تىلسە كۈمۈش تاراتقاي، ئۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ قۇتۇلۇشنىڭ يولى شۇدۇر. شۇڭا كىشىگە مال ئۆلەشتۈر، يېدۈر، ئىچۈر. ئۇ سېنى كەچۈرگەي، ئەلگە ئېھسان قىلىپ ساۋابىنى ئال. پېقىرلارنى مېلىڭ بىلەن يۆلە، بۇ ساڭا ساۋابتۇر. سېنى ئۆلۈم تۇتسا مال-دۇنيالىرىڭ قېپقالىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ ئۇنى يامانلىققا قورال قىلىدۇ. شۇڭا ئۆلۈشتىن بۇرۇن تارات، ھېسابتىن قۇتۇلۇپ ساۋاب ئالسەن، ئايا خەلق ئىچرە باي بولغان خىل ئەر، مېلىڭنى تارقىتىش بىلەن ساۋاب تاپ. ئەي ئاچكۆز، تەمەخور، بېخىل ئەر، ئۆلۈمدىن بۇرۇن مال ئۆلەشتۈرۈپ بەر. قىيامەت — ئىنساننىڭ ھېساب بېرىدىغان كۈنى، ئۇنى چۈشىنىپ دۇرۇسلۇق بىلەن يۈر»(174). مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىلار خاندانلىقىدىكى بەزى ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغان خان زىياپىتى ۋە بايراملاردا مال-دۇنيالىرىنى يېتىم-ئوغۇل، تۈل خوتۇن، ئاجىز بىچارىلەرگە خۇدا يولىدا ئېھسان قىلىپ بېرەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق ساۋاب تېپىپ، ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۇزاققا داۋام قىلىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ئىككىلا دۇنيادا ئوبدان كۈن كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىشاتتى. بۇ ئەھۋال «قۇتادغۇبىلىك» تە: «ئېلىگ يېتىم-پېقىرلارغا مال-مۈلۈكلىرىنى تاراتتى، يوقسۇللارغا ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئۆلەشتۈرۈپ بەردى»(175). دەپ قەيت قىلىنسا، «دىۋان لۇغەت تۈرك» تە: «بايراملاردا ۋە خانلارنىڭ زىياپەتلىرىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇز گەز ئېگىزلىكتە مۇنار شەكلىدە داستىخان رۇسلىناتتى، بۇنداق داستىخان كەنچىليۇ دېيىلەتتى» دېيىلگەن(176). بۇنى ھازىرقى ئۆلچەم بىرلىكىگە سۇندۇرغاندا ئون مېتر ئېگىزلىكتە بولغان بولىدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۈكى، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ئەقىدىسى مەلۇم
مەنىدىن ئېيتقاندا، قاراخانىلارنىڭ مەلۇم دەۋرلىرىدە جاھاننى بۇزۇۋاتقان ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقنى توسىدىغان توسۇچى بولغان.
خۇلاسىلىگەندە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن سەھىپىسىدە بىزگە ئايان بولغان يۇقىرىقى ئىدىيىلىرى شۇ دەۋرنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن چىقىرىلغان ئىلمىي يەكۈن. يەنە كېلىپ شۇ مۇرەككەپ سىياسىي ئىجتىمائىي ھايات ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۆزگىچە شانلىق قانۇن نەزەرىيىسىدۇر. لېكىن بىز شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلاردىن ئىبارەت قويۇق ئىسلام مۇھىتىدا ياشىغان تەقۋادار مۇسۇلمان مۇتەپپەككۇرى بولغاچقا، بىز يۇقىرىدا شەرھلەپ ئۆتكەن ئۇنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسى ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي قاراشلىرى بىلەن مەھكەم يۇغۇرۇلغان. شۇڭا ئۇ، قانۇن كاتېگورىيىسىدىكى ھەربىر مەسىلىنى شەرھلىگەندە تەقدىر-ئىلاھىيەتچىلىكىدىن ئىبارەت تىئولوگىيىلىك قاراشلاردىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ ياشىغان دەۋر شارائىتىدىن ئالغاندا ئۇنداق قىلالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقا يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بارلىق ئىلغار ئىسلام مۇتەپپەككۇرلىرىغا ئوخشاش يول تۇتتى. بىز پەقەت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسىدە نۇرلىنىپ تۇرغان رېئال ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە ھەققانىي، خەلقچىللىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك غايىلىرىنى قەدىرلەيمىز ۋە ئەينەك قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنشۇناسلىقىمىز ئۆزىگە ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ قانۇنشۇناسلىق تەلىماتىنى يېتەكچى قىلىپ ئىلگىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىگە ئىجادىي ھالدا ۋارىسلىق قىلسا ۋە بۇنىڭ جەۋھەرلىرىدىن تېخىمۇ
ئوبدان بەھىر ئالسا، ئۇلۇغ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا يېڭىچە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.
(1) «قۇتادغۇبىلىك»، 219، 252، 258، 259، 269، 2017-بېيىتلارغا قارالسۇن. (2) «قۇتادغۇبىلىك»، 290، 291، 292-بېيىتلارغا قارالسۇن. (3) م. س. ئۇانوۋ: «ئىزان تارىخىغا ئائىت ئوجېرەكلار» خەنزۇچە، 1958-يىل 2-ئاي بېيجىڭ بىرىنچى نەشرى، 35-بەت. (4) «قۇتادغۇبىلىك»، 680، 681، 682، 683، 684، 685، 686، 687، 688، 689-بېيىتلارغا قارالسۇن. (5) «قۇتادغۇبىلىك»، 454، 545، 5902، 5903، 5909، 1460، 1461، 1456، 1459، 5737، 5738-بېيىتلارغا قارالسۇن. (6) «قۇتادغۇبىلىك»، 2035، 2024، 2030، 2034-بېيىتلارغا قارالسۇن. (7) «قۇتادغۇبىلىك»، 5560، 5561، 5562، 5563، 5564، 5565، 5566، 5567، 5559-بېيىتلارغا قارالسۇن. (8) «قۇتادغۇبىلىك»، 1931، 4447، 4321، 4329، 2128، 5288، 5576، 5734، 5491، 2132، 2133، 2134، 2135-بېيىتلارغا قارالسۇن. (9) «قۇتادغۇبىلىك»، 1043، 4545، 4546، 4548-بېيىتلارغا قارالسۇن. (10) «قۇتادغۇبىلىك»، 1922، 1923، 4009 ۋە 4010-بېيىتلارغا قارالسۇن. (11) «قۇتادغۇبىلىك»، 800، 801، 802، 803، 804، 808، 2015، 3463، 2032، 662، 693، 696، 741، 1332، 3540، 4758، 5314-بېيىتلارغا قارالسۇن. (12) «قۇتادغۇبىلىك»، 695، 4914، 5326، 694، 1702،
1703-بېيىتلارغا قارالسۇن. (13) «قۇتادغۇبىلىك» ، 5285 ، 2136 ، 2137 ، 2036 ، 2033-بېيىتلارغا قارالسۇن. (14) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 166-بەت. (15) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 461-بەت. (16) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى III توم 54-بەت. (17) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى III توم 41-بەت. (18) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 569-بەت. (19) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 98-بەت. (20) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 286-بەت، III توم 828-بەت. (21) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 536-بەت. (22) «دىۋان لۇغەتت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 544-بەت. (23) «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 191-بەت. (24) «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 580-بەت. (25) «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 توم 589-بەت. (26) «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
I توم 172-بەت.
(27) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 523-بەت. (28) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 542-بەت. (29) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 307-بەت. (30) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 320-بەت. (31) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 445-بەت. (32) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 115-بەت. (33) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 430-بەت. (34) « قۇتادغۇبىلىك »، 5000-بېيىتقا قارالسۇن. (35) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 396-بەت. (36) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 51-بەت. (37) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 504-بەت. (38) « قۇتادغۇبىلىك »، 2988-بېيىتقا قارالسۇن. (39) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 366-بەت. (40) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 427-بەت. (41) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 167-بەت. (42) زاھەك — رىۋايەتتىكى پادىشاھ، ئىرقى ئەرەب، رىۋايەت قىلىنىشچە، ئىرانغا مىڭ يىللار ئۆپچۆرىسىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇ، دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ يالماۋۇزنى ھەيرانلىقتا قالدۇرغان، يالماۋۇز ئۇنىڭ يەلكىسىنى سۆيۈپ قويغاندا ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئىككى يىلان ئاپىرىدە بولغان. ئۇ بۇ يىلانلارنى بېقىش ئۈچۈن ھەركۈنى بىرمۇنچە ياشلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ مېڭىسى بىلەن يىلاننى باققان، شۇڭا ئۇ ئىراننىڭ « پىشىدا دىيان » سۇلالىسىدە زالىم شاھ دەپ نام ئالغان. (43) پەرىدۇن — ئىراننىڭ « پىشىدادىيان » سۇلالىسىدىكى بىر ئادىل شاھ. (44) « قۇتادغۇبىلىك »، 235-، 244-گىچە قارالسۇن. (45) « قۇتادغۇبىلىك »، 821، 822، 1435، 5576، 1451، 5197-بېيىتلارغا قارالسۇن.
(46) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2111 ، 5282 ، 5226 ، 5203 ، 5201 ، 5205-بېيىتلارغا قارالسۇن ، (47) « قۇتادغۇبىلىك » ، 809 ، 817 ، 818- بېيىتلارغا قارالسۇن ، (48) « قۇتادغۇبىلىك » ، 831 ، 832 ، 829 ، 830- بېيىتلارغا قارالسۇن ، (49) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، اتوم 15-ۋە 85-بەت ، (50) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، « اتوم 519-بەت ، (51) سابىت ئەخمەت: « قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت بىر پارچە مۇجبەت » كە قارالسۇن ، شىنجاڭ يادىكارلىقلار ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە، 1985-يىل 1-سان ، (52) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2493 ، 2498 ، 2499 ، 2497 ، 2500-بېيىتلارغا قارالسۇن ، (53) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، اتوم 477-بەت ، (54) ۋىي لىياڭتاۋ: « قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىدىن ئوچېرىكلار » . شىنجاڭ خەلق نەشرىيانى 1986-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 112-بەت، خەنزۇچە ، (55) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5242 ، 5243 ، 5513 ، 5290 ، 5302 ، 4473 ، 2138 ، 2144 ، 2145 ، 2118 ، 2403 ، 5479 ، 5593 ، 1363 ، 2564 ، 2565 ، 2542 ، 635 ، 4081 ، 4462 ، 4435 ، 4437 ، 4558- بېيىتلارغا قارالسۇن ، (56) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2985 ، 2986 ، 2954 ، 2953 ، 2976 ، 2975 ، 2977 ، 2960 ، 2961 ، 2962 ، 2963 ، 2973 ، 2974- بېيىتلارغا قارالسۇن ، (57) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2994 ، 2995 ، 2996 ، 2975 ، 2998 ، 2999 ، 3000 ، 3001 ، 2989- بېيىتلارغا قارالسۇن .
(76) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 139-، 140-بەت، (77) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 136-بەت، (78) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 312-بەت، (79) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 402-بەت، (80) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 402-بەت، (81) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 385-بەت، (82) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 161-بەت، (83) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، II توم 405-بەت، (84) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 412-بەت، II توم
(85) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 614-بەت، (86) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 111-ۋە 120-بەت، (87) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 111-بەت، (88) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 374-بەت، (89) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 353-بەت، (90) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 409-بەت، (91) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 179-بەت، (92) شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى (ئىچكى ژۇرنال) 1984-يىل 8-ئاي ئۇيغۇرچە، 7-، 8-يىلان 27-بەت، (93) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 583-بەت، (94) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 215-بەت، (95) « قۇتادغۇبىلىك »، 1064-يېنىقا قارالسۇن، (96) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، III توم 300-بەت، (97) « تۈركىي تىللار دىۋانى »، I توم 682-، 683-بەت، (98) « قۇتادغۇبىلىك »، 4119، 4120، 4121، 4122، 4123، 4123، 3817، 3818، 3101، 4213، 5279، 5280، 5281، 4415 بېيتلارغا قارالسۇن،
(99) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 486-بەت. (100) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 531-بەت. (101) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 435-بەت. (102) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 234-ۋە 295-بەت. (103) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 242-بوت. (104) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 667-بەت. (105) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 499-بەت. (106) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 246-بەت. (107) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 261-بەت. (108) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 115-بەت. (109) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 396-بەت. (110) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 608-بەت. (111) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 365-بەت. (112) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 342-بەت. (113) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 456-بەت. (114) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 557-بەت. (115) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 609-بەت. (116) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 582-بەت. (117) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 273-بەت. (118) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 39-بەت. (119) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 575-بەت. (120) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 282-بەت. (121) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 19-بەت. (122) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 67-بەت. (123) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 469-بەت. (124) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 8-بەت. (125) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 171-بەت. (126) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 590-بەت.
قارالسۇن.
(150) « قۇتادغۇبىلىك » ، 3520-بېيىنقا قارالسۇن. (151) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 373-بەت. (152) « قۇتادغۇبىلىك » ، 3649، 3650، 3651-بېيىنلارغا
قارالسۇن.
(153) « قۇتادغۇبىلىك » ، 3668، 3669، 3661-بېيىنلارغا
قارالسۇن.
(154) « قۇتادغۇبىلىك » ، 4854، 4855، 3192، 5273، 5246، 6140، 5165، 4771، 5360، 5275، 5276، 5277-بېيىنلارغا قارالسۇن. (155) « قۇتادغۇبىلىك » ، 5261، 3547، 2755، 4855، 4856، 4809، 4799، 4802، 4805، 4807، 5259، 1395، 5173، 5306-بېيىنقا قارالسۇن.
(156) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2506، 2442، 2443-بېيىنلارغا
قارالسۇن.
(157) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 22-بەت. (158) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 299-بەت. (159) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 322-بەت. (160) مەھمۇد قەشقەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 459-بەت.
(161) « قۇتادغۇبىلىك » ، 2007، 2207، 2008، 2006، 2201، 2203، 2206، 1309، 4291-بېيىنلارغا قارالسۇن.
(162) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، I توم 330-بەت. (163) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 489-بەت. (164) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، II توم 414-بەت. (165) « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، III توم 38-بەت.
بەشىنچى باب: «قۇتادغۇبىلىك» ۋە قاراخانىلارنىڭ ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلغان دەۋرلىرى
فېئودالىزم شارائىتىدا گەرچە ھۈرلۈك، باراۋەرلىك دېگەن نەرسە مەۋجۇت بولمايدىغان ۋە ئىشقا ئاشمايدىغان بىر غايىۋى چۈشەنچە بولسىمۇ، لېكىن بۈيۈك قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ئەلنى ئادىلقانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش»، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇش ئىدىيىسى ئەينى زاماننىڭ رېئال ھاياتىدا ھۈرلۈك، باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مىزانى بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئېلىمىز ئۇيغۇرلىرى تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان فېئودال خانلىق - قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ تارىختا گۈللەپ - راۋاجلانغانلىقىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» ئىدىيىسىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ جەمئىيەتنى ئادىل قانۇن، مىزانلار بىلەن باشقۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» كە ئىنچىكە نەزەر تاشلانسا، ئۇنىڭدا «ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» ۋىۋىسكىسى ئېسىلغان ئەمما «قانۇن» نىڭ شولسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان غايىۋى جەمئىيەتنىڭ بىر ساماۋى ئوبرازى ئەمەس بەلكى دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ ئېتىراپ قىلىنغان ئادىل قانۇننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يېڭىچە ياراۋانلىق ئورنىتىلىپ، ئەل ئاسايىشلىق
تاپقان بىر مەۋجۇت جەمئىيەتنىڭ جۇلالىق ئوبرازى ئالدى بىلەن كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئاندىن كېيىن قانۇن يوقالغان، ئىنسان روھى بۇلغانغان، جاھالەت باسقان، بىر تۈتەك قاپلىغان جەمئىيەتنىڭ خۇنۈك ئوبرازى كۆرۈنىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ ئوبراز باشقىنىڭ ئەمەس، دەل شۇ قاراخانلار سۇلالسىنىڭدۇر. ئۇ، «قۇتادغۇبىلىك» تە كۆزىمىزگە بىر تەكشىلىك ئۈستىدە ئەبەدىي ئەمەس بەلكى ئېگىز - پەسلىك ئۈستىدە ۋاقىتلىق چېلىقىدۇ. ئۇ، گاھ پەيدا بولىدۇ، گاھ غايىب بولىدۇ، ئۇنىڭ پەيدا بولغىنى «ئادىل قانۇن» نامايان بولۇپ، ئادىل ئىجرا قىلىنغانلىقتىن جەمئىيەت يۈزىدە بولغان ئوڭشىلىش؛ غايىب بولغىنى «ئادىل قانۇن» بۇرۇقتۇم تۇمانلار ئىچىگە كىرىپ كېتىپ ئادىل ئىجرا قىلىنمىغانلىقتىن جەمئىيەت يۈزىدە بولغان بۇزۇلۇش. ئۇنداق بولسا، شۇ دەۋرنىڭ ئوڭشالغان ۋە بۇزۇلغان چاغلىرىغا «قۇتادغۇبىلىك» تىكى بايانلار تەرتىپى بويىچە قاراپ باقايلى.
زاماننىڭ تۇنجى قېتىم ئوڭشىلىشى
تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغراخاننىڭ ئاژۇن (جاھان) تۇتقان ۋاقتى. بۇ ۋاقت «قۇتادغۇبىلىك» تە قويۇق تەبىئەت مەنزىرىسى بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ چاغنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ھازىرقى زامان كىشىلىرىدىن ھەرقاندىقى ئۆزىنى جەزمەن بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئورۇنغا قويۇپ، «خاننىڭ تەختىگە چىقىش مۇراسىمى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئوردۇكەنت (قەشقەر)گە كېتىۋېتىپ يول بويى خۇشاللىق تەنتەنسىگە چۆمۈپ سەيلە - ساياھەت قىلغاندەك بولىدۇ. بۇ چاغدا تەبىئەت ساياھەتچىگە قاراپ: «مۇشۇنىڭدەك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى نېمە دەيسەن؟ خاقاننىڭ يۈزىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئۇيقۇدا ياتقان بولساڭ كۆزۈڭنى ئاچ، ئورنۇڭدىن تۇر، ئاڭلىمىغان بولساڭ مەندىن ئاڭلا، مەن
تۈمەن يىللاپ تۇل قالغانىدىم، يۈزۈم سۇلتۇن ئىدى، بۈگۈن تۇل كىيىملىرىمنى سېلىپ تاشلاپ، ئاق سەۋەبەر كىيىپ ياساندىم. ئۇلۇغ خان بېگىم قوبۇل قىلسا، جېنىم ئۇنىڭغا پىدادۇر» دەيدۇ. تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغراخان جاھان تۇتۇش ئۈچۈن خانلىقتا ئولتۇرغان ۋاقىتتا بۇلۇتلار گۈركىرەپ خان دۈمبىقى چېلىنىدۇ، چېقىن چاقناپ خاقاننىڭ تۇغى تارتىلىپ كۆكتە لەپىلدەيدۇ، خاقاننىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بەزىلەر خۇش ھىدى بىلەن كېلىپ قۇللۇق قىلىدۇ، بەزىلەر كورك يۈزى بىلەن ئىشىكلەرنى ئاچىدۇ، بەزىلەر قوللىرىنى سۇنۇپ ئىرىق تۇتىدۇ، بەزىلەر ئىيار بىلەن جاھاننى تولدۇرىدۇ، بەزىلەر شەرقتىن ئارمىغان (ھەدىيە، سوۋغات) تۇتىدۇ، بەزىلەر غەربتىن خىزمىتىگە جان تىكىدۇ. پۈتكۈل جاھان خاننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا تەييارلىنىدۇ، قانۇن تۈزۈلىدۇ، جاھان تىنچلىنىدۇ، دۈشمەنلەر بويۇن ئېگىپ يوقىلىدۇ، خان ئۈستۈن نام قازىنىدۇ (1).
زاماننىڭ ئىككىنچى قېتىم ئوڭشىلىشى
ياش كۈنتۇغدىنىڭ بەگلىكىدە ئۇزۇنغىچە باش بولغان ۋاقتى. «قۇتادغۇبىلىك» تىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ زامانلاردا ئىشقىلىپ قەشقەر ئېلىدە بولسا كېرەك، ئېتى ۋە قۇتى بەلگىلىك بولغان، مىجەزى تۈز، خۇلقى مۇلايىم، سۆزى چىن، كۆزى توق، كۆڭلى باي، ئەقىللىك ۋە ئويغاق كۈنتۈغدى ئېلىگ ئاتلىق بىر خان بولۇپ، ياۋغا ئوت، يامانغا ئاپەت، جەسۇر، مەغرۇر ئىدى. مۇشۇ پەزىلەتلىرى ئۇنى كۈندىن - كۈنگە يۈكسەلدۈرىدۇ. ئۇ، ئالىم ۋە ئاقىللارنى ئۆز يېتىغا توپلايدۇ، جاھاندىكى بارلىق ئەقىل ۋە ئىلىمدە تاللانغانلارنىڭ تاغاەسى ئۇنىڭ يېتىغا توپلىنىدۇ. ئۇ، سەر خىل كىشىلەرنى ئەتەۋارلاپ ئىشلىتىدۇ، يارامسىزلارنى تۇتۇپ باغلايدۇ، يامانلارنى ئەلدىن سۈرۈپ قوغلايدۇ. دۆلەتنى زېرەكلىك بىلەن باشقۇرىدۇ،
خاقان ئەل يۇرتنى تۈزىگەچ دۆلىتى باي بولىدۇ، دوستلىرى ئۇنى سۆيۈپ ماختىشىدۇ، ئېلىگنىڭ خىسلىتى پۈتۈن ئەلگە يېتىپ، شۆھرىتى جاھانغا يېيىلىدۇ، ئەلدە دۇئالار كۆپىيىدۇ، دۆلەت كۈندىن - كۈنگە زورىيىدۇ، جاھان خەلقى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تويلىشىدۇ، بۆرە بىلەن قوزىلار بىر - بىرىگە قېتىلىپ يۈرۈشىدۇ (2) .
زاماننىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئوڭشىلىشى
ئايتولدى (ۋەزىر)نىڭ كۈنتۇغدى ئېلىگ (پادىشاھ) ھۇزۇرىغا خىزمەتكە كەلگەن ۋاقتى. بۇ ۋاقىتتا قانۇن تۈزۈلۈپ، دۆلەت كۈچىيىپ، كۈندىن - كۈنگە راۋاجلىنىپ بىر مەزگىل باياشادلىشىدۇ، خەلق جاپادىن قۇتۇلىدۇ، «قوزا بىلەن بۆرە بىر يەردە بولالايدىغان» ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ مالىيە بايلىقى (ئالتۇن، كۈمۈش) ئېشىپ، شەھەر - كەنت بىنا قىلىش ئىشلىرى چىڭ تۇتۇلىدۇ؛ خەلق پادىشاھقا دۇئا قىلىدۇ، پادىشاھنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدۇ، پادىشاھنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ داڭقى تەرەپ- تەرەپكە تارقىلىدۇ (3) .
زاماننىڭ تۆتىنچى قېتىم ئۆزگىرىشى
ئايتولدىنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى. ئايتولدىنىڭ ئارزۇ- تىلەكلىرى تازا ئىشقا ئېشىپ، ھەممە نېمەتلەر تەل بولغاندا بىۋاپا كېسەل ئۇنى يىقىتىدۇ، پۈتۈن تېۋىپلار تەل بولۇپ، تومۇرىنى تۇتۇپ كېسىلىنى كۆرىدۇ، بەرمىگەن دورىلار قالمايدۇ، ھېچنېمە پايدا قىلمايدۇ، كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاڭلاپ يوقلاپ كېلىدۇ ۋە كۆڭلىگە تەسەللى بەرگەچ ماياتنىڭ بىقارارلىقى، دۆلەت، بەختنىڭ تۇراقسىزلىقى قاتازلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە دوستانە مۇڭدىشىدۇ، ئېلىگ قايتىپ بېرىپ ھەقتىن ئايتولدىنىڭ كېسىلىگە شىپا تىلەپ
دۇئا قىلىدۇ، قەسىرگە كىرىپ كۆڭلى سۇنۇق ۋە غەمكىن بولۇپ، پايدىسى بولۇپ قالار دەپ ئۇنىڭغا قايغۇرۇپ پېقىرلارغا كۆپ مال- تاۋار تارقىتىدۇ. ئايتولدى ئۆز - ئۆزىگە ئۆكۈنىدۇ، يوقسۇللارغا ئالتۇن - كۈمۈش ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، قاياشلىرىغا نەسىھەت قىلىدۇ، ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلىدۇ، كۈنتۇغدى ئېلىگكە قانۇنلارنى ياخشى تۈزۈش، زۈلۈمنى يوقىتىش، خەلقنى باياشاد قىلىش، ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قاتتىق تەلەپ قويۇپ خىزمىتىگە سېلىش ھەققىدە ۋەسىيەتنامە يازىدۇ. مال- مۈلۈكلىرىنى كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، يېقىنلىرىدىن رىزالىق تىلەيدۇ، خۇدا ئاتى بىلەن تېنى جېنىدىن جۇدا بولىدۇ، كۈنتۇغدى ئېلىگ ئايتولدىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا ئالدۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ماتەم ئۆتكۈزىدۇ، ئايتولدىنىڭ ۋەسىيىتىدە ئېيتىلغان نەسىھەتلەر بويىچە كۈنتۇغدى ئېلگ ياخشى قانۇنلارنى تۈزۈپ كۈنسايىن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، ئايتولدىنىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان ۋاقتىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان بۇزۇقچىلىقلارنى ئوڭشاپ دۆلەتتە تۈزەش ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خەلق بېيىيدۇ ھەم ئېلگكە دۇئالار قىلىدۇ ئەمما كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆزىنىڭ ياراملىق ۋەزىرى ئايتولدىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، مەسلىھەتچى (ۋەزىر) سىز قالغانلىقتىن بەگلىكنىڭ ئىشلىرىغا يېتىشەلمەيدۇ، بۇ چاغدا ئايتولدىنى قاتتىق ياد ئېتىدۇ، ۋەزىرلىككە مۇۋاپىق كىشى تاپالمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرى ئاقساپ ئەلدە يەنە قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىشكە باشلايدۇ، ئويلىنا - ئويلىنا ئاخىر ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا ئەكىلىپ ۋەزىرلىككە قويماقچى بولىدۇ(4).
زاماننىڭ بەشىنچى قېتىم ئۆزگىرىشى
كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى ۋەزىرلىككە ئالدۇرۇپ كەلگەن ۋاقتى. ئۆگدۈلمىش ۋەزىرلىككە
كەلگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى، قانۇنىنى، ئادەتلىرىنى تۈزىتىدۇ ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قايتىدىن يېڭى قانۇن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ، خان ئوردىسىدىكى ئىشكەلەر تاقىلىپ قېلىپ ئىش توختاپ كېتىشتەك ئەھۋاللار تۈزىتىلىپ، ئىشخانىدىكى كۈندىلىك ئىشلار راۋانلىشىدۇ، دەۋاغا كەلگەنلەرنىڭ ئىشلىرى ساقلاتمايلا پىچاقنىڭ بىرەر نەرسىنى كەسكىنىدەك كېسىلىپ تېز ھەل قىلىپ بېرىلىدۇ، خان ئۆگدۈلمىشكە ئالىي ھوقۇق (تامغا)، مەرتىۋە (ئۇنۋان)، ھەربىي قىسىم (قوشۇن)، قاتناش قوراللىرى (ئات)، جەڭ قوراللىرى (ئوقيا، نەيزە)، ئابروي (تون) قاتارلىقلارنى بېرىدۇ، ئۆگدۈلمىش يۇقرالىرىنى ھۈرمەتلەپ زۈلۈمنى يوقىتىدۇ، ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى يارامسىز قىلىقلارنى ۋۇجۇدىدىن تەرك ئېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئورگانلىرىدا قانۇننى ئۆزى تۈزگەن تۇرۇقلۇق ئۆزى بۇزىدىغان ئەھۋاللار تۈگەپ، قانۇننىڭ ھەقىقىي كۈچى رەسمىي نامايان بولىدۇ، «يامانلارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، ياخشىلارغا ئۇۋال بولىدۇ» غان ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ، «ياخشىلارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، يامانلارغا بازار قالمايدۇ» غان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، نەتىجىدە دۆلەت ئىچىدىكى يېغىپەرەسلەر تۇرالماي ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. دۆلەت يەنە بىر مەزگىل ئاۋاتلىشىدۇ، خەلق باياشادلىققا چۆمىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ خاننى مۇبارەكلىشىدۇ ھەم شۇ ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن ئۆزلىرىمۇ ياخشى قانۇنلارنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشىدۇ. (5) كۈنتۈغدى ئېلىگ ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىرىنى ئۆگدۈلمىشتىن سورايدۇ، ئۆگدۈلمىش خانغا دۆلەتنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن «بەگلىككە لايىق بەگنىڭ قانداق بولۇشى» («قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 28 - بابى) دىن تارتىپ تاكى «خىزمەتچىلەرنىڭ بەگلەر
ئۈستىدە قانداق ھەقلىرى بارلىقى ( «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 38 - بابى) غىچە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىگ كۆڭلىنى تۈزەپ ئەلگە ياخشى قانۇن تۈزۈپ بېرىدۇ، خەلق راھەت تاپىدۇ، ئورۇقلار سەمرىيدۇ، دوستلىرى بېيىپ، دۈشمەنلىرى ئازلايدۇ. خەلقنىڭ كۈنى سۆيۈنچ ۋە قۇۋانچ ئىچىدە ئۆتىدۇ، نامى جاھانغا يېيىلىدۇ، قوزا - توقلى بۆرە بىر چاغ تەڭ بولۇپ ياشايدۇ(6).
بۇ چاغدىكى ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تەرىپىنى تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سېلىش ئارقىلىقىۋ ئوچۇق كۆرەلەيمىز: ئېلىگ بىر كۈنى ئۆز دەۋرىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆگدۈلمىشنى قىچىرىپ ئۇنىڭدىن: كۈنىمىز قانداقراق؟ يۇرتىمىزدا يېقىر كۆپمۇ ياكى بايلارمۇ؟ ئەل ئىچىدە قانداق يامانلىق ۋە يارامسىز ئىشلار بار؟ خەلقنىڭ ھالى - كۈنى قانداقراق؟ خەلقنىڭ تىلىدە قانداق سۆزلەر بار؟ سۆكۈش كۆپمۇ ياكى ماختاشمۇ؟ قۇسۇرىمىز كۆپمۇ ياكى پەزىلىمىزمۇ؟ دەپ سورايدۇ(7). ئۆگدۈلمىش: «ئەي خان، بۇ زاماندا ئەل - يۇرت تىلەككە ئېرىشتى، ئېلىگنىڭ سايىسىدە ئازۇن تۈزەلدى، غەم - ئەندىشە تۈگىدى، خۇشاللىق ئۇزۇن داۋام قىلدى، ئەل بېيىپ ئاسايىش بىلەن تىنچ ياتماقتا، شەھەر-كەنتلەر بېزەلدى، كۆڭۈل شادلانماقتا، خەلقنىڭ پۈتۈن كۈن-تۈنلىرى ھۇزۇر ۋە سۆيۈنچتە ئۆتمەكتە، جىمكى تىلى بارلارنىڭ ھەممىسى ھەمدۇ - سانا ئېيتماقتا. قانۇندىن ئىبارەت بۇ سۈزۈك سۇنى ئوتتىن ئىبارەت زۇلۇمنىڭ ئۈستىگە ئېقىتقانلىقىمىز ئۈچۈن زۇلۇمدىن ئىبارەت بۇ ئوت ئۆچۈرۈلدى. ھەق ئادىل قانۇننى يولغا قويۇشىمىز بىلەنلا جاھان تۈزۈلۈپ، بۇ زاماندا ئەلدە ھېچكىم زۇلۇم كۆرمەس بوپكەتتى. بەگ غاپىل بولسا ئاپەت ياغاتتى، بەگ يۇمشاق قوللۇق قىلسا زوراۋانلارنىڭ نوخۇلىسى ئۆرلەپ ئەلگە تېگىش قىلاتتى، بەگ
ئاچكۆز بولسا، خەلقنىڭ باغرىنى تىلىپ، قېنىنى شورايتتى، بۇ ئۈچ نەرسە زۇلۇمنى پەيدا قىلاتتى. بىزنىڭ بەگلىكىمىزدە بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرىمۇ يوق، شۇڭا خەلقىمىز رازى، كىيىم-كېچىكى پۈتۈن، قورسىقى توق، دەيدۇ (8) .
زاماننىڭ ئالتىنچى قېتىم ئۆزگىرىشى
كۈنتۈغدى ئېلىگنىڭ خانلىقنى ياخشى داۋام قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ۋەزىرى ئۆگدۈلمىشنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ (ياردەمچى) قىلىپ بېرىش نىيىتىدە ئۆگدۈلمىشنىڭ پانىي دۇنيانىڭ راھەتلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تاغدا يالغۇز ئىبادەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىندىشى ئودغۇرمىشنى ئوردا خىزمىتىگە ئۈچ قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتىش بىلەن مىڭ تەسلىكتە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدۈرگەن ۋاقتى. بۇ ۋاقىتتا يېڭىباشتىن يەنە بىر گۈللىنىش دەۋرى بارلىققا كېلىپ، دۆلەتنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى ئوڭشىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن خان راھەتنى قويۇپ، دۆلەتنى تۈزەيدۇ، يامانلارنى ئۆزىدىن يىراق قىلىدۇ، ياخشىلارنى ئۆزىگە يېقىن قىلىپ ئۇلارغا يول ئېچىپ بېرىدۇ، يىلدىن - يىلغا دۆلەت ۋە خەلق تۈزۈلۈپ ھەم سۈزۈلۈپ تۇرىدۇ، جاھان تىنچلىنىدۇ، ئەل نەپىئى بىلەن ھايات شېرىنلىشىدۇ، دۆلەت خۇشاللىق بىلەن كۈلۈپ ھۇزۇردا سۆيۈنىدۇ، ئېلىگ ئۆگدۈلمىشنى قەدىرلەپ ئۇنىڭغا جىمى ئىشلارنى تاپشۇرىدۇ. دۇنيا بارغانسېرى گۈزەللىشىپ خەلق باي بولىدۇ. چاڭ - تۇمانلار تاراپ، زۇلۇم تۈگەيدۇ، ئەلدە قالايمىقانچىلىق، ئىسيان، توپىلاڭلار يۈز بەرمەي جىمى نەرسىلەر تۈزۈلىدۇ ھەم سۈزۈلىدۇ (9) .
زاماننىڭ يەتتىنچى قېتىم ئۆزگىرىشى
ئودغۇرمىشنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى. ئودغۇرمىش ۋاپات
بولغاندا ئۇنىڭدىن بىر دانە ھاسا بىلەن بىر ئۇرىقلا قالىدۇ، ھاسىنى كۈنتۈغدى ئېلىگە، ئۇرىقنى ئۆگدۈلمىش نەمۇنە قىلىپ ساقلىشىدۇ. ئۆگدۈلمىش ياردەمچىسى ئودغۇرمىشنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ نەچچە كۈن ماتەم تۇتىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشىغا كىرىشىدۇ، تاڭنى تۈنگە ئۇلاپ ئىشلەيدۇ. كۈنتۈغدى ئېلىگە بىر كۈنى ئۆگدۈلمىشنى چاقىرتىپ كېلىپ ئەل - يۈرتنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ، ئۆگدۈلمىش: خەلق ھالى ياخشى، دەيلا جاۋاب بېرىدۇ. ئۆگدۈلمىش ئېلىگنى مەدھىيىلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ، ئاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ يەنە ئەلنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بىلەن بولىدۇ. كۆڭلىنى تۈز تۇتۇپ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە ھەرىكىتىنى تۈزەيدۇ، پۈتۈن ئەگرى، خۇيلارنى تۈزەيدۇ، جاھان تۈزۈلىدۇ، ياخشى دۇئالار كۆپەيگەچ ئەلنىڭ كۈنى قۇتايدۇ(10).
بىز «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى زوق بىلەن ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە يۇقىرىقى دەۋرلەردىكىدەك ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ ئىزناسىنىمۇ كۆرەلمەيمىز. ئەكسىچە بۇ ئىزلارنىڭ بارغانسېرى بىر تۈتەكلىككە قاراپ يول ئېلىپ، خۇددى ئېزىتقۇ تۇمانلاردەك كۆزدىن غايىب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي چېكىنىش ئۈستىدە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 6425 - بېيىتىدا «ئۇلار ئۆلدى، ياخشى ئېتى قالدى. ئۇلارنىڭ ئېتى — ھۈرمىتى يوقالماس» دەپ ئالدىنقى ئالتە دەۋر ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىرىغا يادنامە ئوقۇلسا، 6427، 6428-بېيىتلاردا «قۇتادغۇبىلىك» دەۋرىدىكى كىشىلەر ئادەم ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ پەرىشتە ھېسابلىنىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنىدۇ. مانا بۇ سېلىشتۇرما بىر تارىخىي چېكىنىشنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە بىزنى بىر كەڭ يورۇقلۇقتىن يەنە بىر تار قاراڭغۇلۇق ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن كۆز ئالدىمىزدا « بىلىملىكلەر خار، ئەقللىكلەر گاچا بولغان، ئەل ئىچىدە يامان - پەس كىشىلەر ئۇلغىيىپ ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ بوزەك بولغان، يۈزىنى شارابتا يۇغان بىنامازلار ئىمتياز تېپىپ يىگىت - ئەر، پىسق - باسات ئىگىلىرى ئەرەن، مەي ئىچمەس كىشلەر پىخسىق، ناماز، روزا بىلەن يۈرگۈچىلەر مۇناپىق ئاتالغان، ھالال تۈگەپ ھارام غولدىغان، خەلقتىن ۋاپا كېتىپ جاپا ئاۋۇغان، كىشلەرنىڭ تىلى باشقا، دىلى باشقا بولغان، ئىشەنچ قىلغۇدەك كىشى قالمىغان، قاياشلار تۇغقانلىق، يېقىنچىلىقنى تاشلىغان، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتكەن، كىچىكلەردە ئەدەب، ئۇلۇغلاردا بىلىك تۈگىگەن، قوپاللار كۆپىيىپ، سىلىقلىق يوقالغان، دۇرۇسلۇق يوقاپ، ئەگرىلىك ئەۋج ئالغان، مۇسۇلمانلار ئۆچەكتىپ بىر - بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشكەن، كۇپارلار تىنچ يېتىپ راھەت كۆرۈشكەن، ئوغلى بەگ بولۇپ شەھەر سورىسا ئاتىسى قول ئاستىدا قۇل بولغان، بارچە كىشى پۇلنىڭ قۇلى بولغان، شەرم - ھايا كېتىپ ئوغۇل - قىزلار ئاتا - ئانىغا ھۈرمەت قىلمايدىغان، خوتۇنلار ئەرلىرىنى قېرى دەپ سۆكىدىغان، تەشۋىشلەر كۆپىيىپ تۇرمۇش يامانلاشقان، ھېرىسلىق ئېشىپ سۆيۈنۈش ئازلىغان، پېقىر- تۇل يېتىملارغا قارايدىغان كىشى بولمىغان، جىمكى قانۇن - نىزاملار ئۆزگىرىپ بۇزۇلغان، قارا بىلەن ئاق پەرقسىز بولغان بىر جاھالەت باسقان» دەۋر ئايان بولىدۇ. بىز بۇ چاغدا قانۇننىڭ بۇزۇلغانلىقى (ئادالەتنىڭ ئەلدىن كۆتۈرۈلگەنلىكى) تۈپەيلىدىن زاماننىڭ خارابلاشقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇنىڭغا ئېچىنىپ، دەۋرنىڭ (ئىنسان روھىنىڭ) بۇلغىنىشى ئۈستىدىن ئاجايىپ شىكايەت قىلغانلىقىنى ھەسرەت ئىچىدە كۆرىمىز (11). خوش، ئۇنداق بولسا، يۇقىرىدا بىز بىرقانچە قېتىملىق
ئوڭشىلىش ۋە بۇزۇلۇش ۋەزىيىتىنى كۆردۈق. ئەگەر بىز مۇشۇ «ئوڭشىلىش» ۋە «بۇزۇلۇش» ۋەزىيىتىنى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ داستانىدا تەسۋىرلىگەن غايىۋى جەمئىيىتىنى بىر مەۋھۇم غايىۋى دۆلەت ئوبرازى بىلەن سىزىپ چىققان» دېگەن چۈشەنچە بىلەن چۈشەنگىنىمىزدە، ئۇ ھالدا بىز مۇنداق «ئوڭشىلىش» بىلەن «بۇزۇلۇش» نى مەۋھۇم جەمئىيەتنىڭ ئوڭشىلىشى ۋە بۇزۇلۇشى دەپ قاراپ، ئالىم يىراقنى كۆرگەن، تەرەققىياتنىڭ تەكشىزلىكىنى چۈشەنگەن ۋە بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئالىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن بىر مەۋھۇم جەمئىيەتنىڭ «ئوڭشىلىش» ۋە «بۇزۇلۇش» دەۋرىنى خىيالىي سۈرەتلەپ چىققان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە چۈشەنگىنىمىزدە، ئۇ ھالدا بۇنداق «ئوڭشىلىش» نى شەك-شۈبھىسىزكى، رېئال جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت ئوڭشىلىش دەپ، بۇنداق «بۇزۇلۇش» نى مەۋجۇت جەمئىيەتتىكى رېئال بۇزۇلۇش دەپ قاراپ، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ گۈللىنىش ۋە زەئىپلىشىش دەۋرىنىڭ ئالىم قەلىمى ئاستىدىكى ھەقىقى چىن خاتىرىسى، دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز. پىكرىمىزچە، تارىختا 400 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن بۇنداق مەشھۇر بىر خاندانلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا بۇنىڭغا ئوخشىغان بىرقانچە قېتىملىق تەكرارلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرۈشى تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش بولۇپ، قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ئۆرلىگەن چۈشىدۇ؛ چۈشكەنلەر چىقىدۇ؛ يورۇغان ئۆچىدۇ؛ يۈرگەنلەر تىنىدۇ؛ مۇكەممەل بولۇشنى تىلەپ قىلىنغان ئىشلاردا تولۇقلۇقتا يەتكەندە كەينىگە يېنىپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ» (12) دېگەن دانا ھۆكمىگىمۇ ئۇيغۇن. ئايتولدىنىڭ تولۇن ئايدەك تولۇپ، ھەممە نەرسىسى تولۇق يېتىلگەندە ئالەمدىن يانغانلىق
ئەھۋالىغىمۇ، شەرىئەتنىڭ دەسلەپتە ئادىل بولۇپ كېيىن بۇلغانغانلىق ئەھۋالىغىمۇ، قاراخانىلارنىڭ دەسلەپتە گۈللىنىپ ئاخىرى تەدبىرىجى زەئىپلىشىپ مۇنقەرز بولغان تارىخىغىمۇ ئۇيغۇن.
«قۇتادغۇبىلىك» تە قانۇننىڭ سىۋولى قىلىنغان ئوبراز كۈنتۇغدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن ئاللا ۋە ئۇنىڭ تۆت يارىغا ھەمدۇ - سانا ئوقۇلغاندىن كېيىن ئۇلاپلا مەدھىيە ئوقۇلغان زات - تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغراخان بىلەن بىر بولۇپ، تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغراخان بولسا، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەلدە قانۇن ئىختىرا قىلغان ۋە قانۇن بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ يولىنى ئاچقان دۆلەت ئاتىسى — سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۆزىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى كۈنتۇغدى قاراخانىلار خاندانلىقى تارىخىدىكى مەشھۇر سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى مەڭگۈلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇئەللىپ تەرىپىدىن يارىتىلغان ئوبراز بولۇپ، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىش قاتارلىقلار بولسا، قاراخانىلارنىڭ دولقۇنسىمان تەرەققىيات دەۋرلىرىنى سۈرەتلەپ بېرىش ئۈچۈن توقۇپ چىقىرىلغان سىمالىق غايىبانە شەخسلەردۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوقۇغان مەدھىيىسى بىرەر غايىبانە خاقانغا ئوقۇلغان مەدھىيە ئەمەس، ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى بىرەر خاقانغا ئوقۇلغان مەدھىيە تېخىمۇ ئەمەس. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھەقىقىي مەنسىگە چۆكىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلىنغىنى بىلەن ساپ - سەمىمىي مەدھىيىنىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان چېغىدىكى ئەل ئاسايشلىق تاپقان دەۋرگە ئېيتىلىۋاتقانلىقىدا گۇمانىنىڭ يوقلۇقى سېزىلىدۇ. بۇنىڭسىز قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ قىيىندۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» تە: «تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغراخان جاھان تۇتتى، ئېتى قۇتاتسۇن. بارچە تىلىگەن تىلەكلىرىنى خۇدا بەردى، ھەق مەڭگۈ يار - يۆلەك بولسۇن. خاقان تەختكە چىققاچ جاھان تىنچلاندى. خاقاننىڭ بەختىگە ئاتاپ جاھان سوۋغات سۇندى. خاقاننىڭ داڭقى جاھانغا يېيىلدى. قانۇن تۈزەلدى، جاھان تىنچلاندى. خان قانۇن بىلەن ئۈستۈن نام قازاندى. بۇ خاقاننىڭ ئېتى كىتابقا يېزىلدى. بۇ ئات ئەمدى شۇ پېتى قالىدۇ» دېيىلگەن (13). بۇ قەيتلەرنى «قاراخانىلارنىڭ ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلغان دەۋرلىرى» نىڭ «تۇنجى» سىگە يازما دەلىل بولالايدۇ دېسەك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زاماننىڭ ئالتە قېتىملىق ئوڭشىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانلىرىدىكى ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بولسا، ئەنە شۇ رېئال ھاياتنىڭ ئوبرازلاشتۇرۇلغان كارتىنىسى دېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرىقى بۇ پىكرىمىزنى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋۇجۇدىدىن مىڭ يىل كېيىن تۆرەلگەن، XX ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىكى تارىخىي رومان — «سۇتۇق بۇغراخان» تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭدا بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن «زاماننىڭ تۇنجى قېتىم ئوڭشىلىشى» غا ئۇل قويغۇچى «تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغراخان» نىڭ «تەختكە ئولتۇرۇش»، ئاپەتنى «ئېرىغداش»، «قۇرۇلتاي» ئېچىش، «دوستلۇق توختىمى» تۈزۈش، «ئەلدە ئۆزگىرىش» ياساش ۋەقەلىرى «قانۇن» - دىن ئىبارەت بىر قىزىل يىپ بويلاپ يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئەمدى شۇ بايانلارغا قاراپ باقايلى.
تۇنجى قېتىملىق «يارلىق» نىڭ چىقىرىلىشى
سۇتۇق بۇغراخان تەختكە چىقىدۇ. قەدىمكى يوسۇن بويىچە ئۈچ قېتىم خان دۈمبىقى چېلىتىدۇ، ئاندىن كېيىن
قاراخانىلارنىڭ توققۇز تۇغى كۆكتە لەپىلدەيدۇ. تۇنجى قېتىملىق مۇراسىمدا دۆلەت ئىشلىرىنى ئوبدان باشقۇرۇش ئۈچۈن ئالىي ئۈچلۈك ھالقا قۇرۇلىدۇ، ھالقا يۇغۇرۇش، يابغۇ، توكسىن مەرتىۋىسىدىكى ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئۈچلۈك ھالقا كۈل بىلگە پانتىكىندىن مىراس قالغان ئەنئەنە بويىچە خاننىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە خانلىقنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى باش ئايغۇچى، ئوردا بېشى، تايانغۇ، بېلىگ ئاقارتىش ئۆلچىسى، چېرىك ئىشلىرى ئولچىسى، سۇ بېشى، ئوردۇ ئاغسى، تارىغچىلىق ئولچىسى، چەت ئىشلار ئولچىسى، ئاغىچى (خەزىنىچى)، ئالىم-سالىق ئىشلار ئولچىسى، دىنىي ئىشلار ئولچىسى، ئوردۇ قارۇغباشى قاتارلىق مۇئەسسەسىلەر تەسىس قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئادەم تەيىنلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ئالتە ماددىلىق يارلىق چىقىرىلىدۇ؛ 1. ئېلىمىزدە ئەركىنلىك، تەڭلىك، پاراۋانلىق، قوغدىنىش ئورۇندىلىدۇ، قارشى بولغانلار جازالىنىدۇ؛ 2. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلىدۇ، باشقا دىنلاردىمۇ ئىختىيارىي بولۇش يۈرگۈزۈلىدۇ؛ 3. ئېلىمىزدە قۇلدارچىلىق يوقىتىلىدۇ؛ 4. ھەر يىلدا بىر قېتىم تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە قەبىلە- ئۇلۇس ۋەكىللىرى قاتناشقان قۇرۇلتاي ئېچىلىدۇ، دۆلەت ئىشلىرى ۋە خەلق ئىشلىرى كېڭىشىلىدۇ؛ 5. ئالىم-سالىقلار ئازايتىلىدۇ، خىيانەتچىلەر جازالىنىدۇ؛ 6. ياشقا تولغانلارنىڭ چېرىك بولۇش بۇرچى بار، چېرىك ئىشلىرى كۈچەيتىلىپ، چەتنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىگە ۋە بوزەك قىلىشىغا قارشى تۇرۇلىدۇ (14).
«دۆلەت ئىشلىرى بەلگىلىمىسى»نىڭ تۈزۈلۈشى
تۇنجى قېتىم « يارلىق » چىقىرىلىپ 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىلىدۇ ۋە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىلگىرى تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغان « يارلىق » قا زۆرۈر بولغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىغا « دۆلەت ئىشلىرى بەلگىلىمىسى » دەپ ئات قويغان مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ.
بەلگىلىمىنىڭ بىرىنچى قىسمى دۆلەت توغرىسىدا بولۇپ، ئۇلۇغ قاراخانىلار دۆلىتى ئۇيغۇر، قارلۇق، ياغما، چىگىل، باسمىل، تۈركەش قاتارلىق ئۇلۇسلاردىن ۋە ھەربىر ئېلىگانلاردىن ئۇيۇشقان، ئۇيغۇر ئۇلۇسىنى تۈپ ئاساس قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.
دۆلەتنىڭ بارلىق ئالىي ھوقۇقى بۇغراخانغا تەئەللۇق بولۇپ، ئۈچ بەش يىلدا بىر قېتىم ئېلىگانلار ۋە خانلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ چوڭ ئىشلار مەسلىھەت قىلىنىدىغانلىقى؛ ئاستانىدە « ئۈچلۈك ئۇيغۇرۇش ھالقىسى » بولۇپ، قۇرۇلتايدىن يۇقىرى ھوقۇقلۇق ئورۇن ئىكەنلىكى؛ خان لازىم تاپقان ۋاقىتتا ئوردۇ كېڭەشمىسى ئېچىپ نۆۋەتتىكى ئىشلار تالقىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بەلگىلىمىدە چېرىك ھوقۇقى، ئالۋان - ياساق ئېلىش ھوقۇقى، قاماش ۋە ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى، چوڭ ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ھوقۇقى خاندانلىققا تەئەللۇق ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
بەلگىلىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمى دۆلەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا بولۇپ، بۇغراخاندىن قالسا جايلاردا ئېلىگانلار ئۆز دائىرىسىدە ئالىي ھوقۇقلۇق بولۇپ، ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن، تۆۋەندە بولسا ئايماقبېشى، بەگ ياكى قەبىلە باشلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى كۆرسىتىلگەن.
بەلگىلىمنىڭ ئۈچىنچى قىسمى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمى بىكار قىلىنغانلىقى، قۇلچىلىققا يول قويۇلمايدىغانلىقى يېزىلغان. يەر، يايلاق، كۆل، ئۆستەڭ، ئورمان دۆلەت ئىگىلىكىدە بولۇپ، دۆلەت بىر قىسمىنى باشقۇرغاندىن تاشقىرى، قالغانلىرىنى تۆرىلەر، ئېكىتالار، يۇقىرى ئەمەلدارلار ۋە ئىجارىچى زېمىندارلار باشقۇرىدىغانلىقى؛ ياقىچى تارىخچىلارنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ يەر تېرىش، ئىجارە ھەققى تۆلەش ۋە بايلارنىڭ يېرىدە، ئۆيىدە ھۈنەرۋەنلىكىدە ئىشلەش مەجبۇرىيىتى كۆرسىتىلگەن.
بەلگىلىمنىڭ تۆتىنچى قىسمى، دۆلەت كىرىمى توغرىسىدا بولۇپ، دۆلەت يېرى، چارۋىچىلىق ۋە ھۈنەرۋەنچىلىكتىن كىرگەن كىرىمدىن باشقا، ئاشلىق مەھسۇلاتىدىن، مېۋىدىن ئۆشرىگە ئوندىن بىرىنى، چارۋا مالدىن ئوندىن بىرىنى، ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر پۇل كىرىمدىن بەشتىن بىرىنى زاكاتقا، قىرىقتىن بىرىنى جازانىخورلارنىڭ كىرىمدىن ئۈچتىن بىرىنى دۆلەتكە بېرىشى كۆرسىتىلگەن.
بەلگىلىمنىڭ بەشىنچى قىسمى، چېرىك ئىشلار توغرىسىدا بولۇپ چېرىك ئالىي ھوقۇق بۇغراخانغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ كۈچى جان تىكىپ ئەلنى قوغدىشى شەرت ئىكەنلىكى، ئوردىدا چېرىك ئولچى بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا سۈبېشى، يۈزمىڭېشى، تۈمەنېشى، مىڭېشى، يۈزبېشى، ئونېشى دەپ بۆلۈنىدىغانلىقى، چېرىكلەرنىڭ ئەلنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، چېرىك بولۇشقا چاقىرىلغانلارنىڭ باش تارتماي چوقۇم كېلىشى، چېرىكلەرنىڭ خەلقنىڭ جېنىغا، مۈلكىگە، پۇلىغا، مېلىغا تەگمەسلىكى ۋە خەلقنىڭ چېرىكلەرنى قوللىشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.
بەلگىلىمنىڭ ئالتىنچى قىسمى، جىنايەتچىلەرگە جازا بېرىش توغرىسىدا بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش، تۈنەككە
ئېلىش ۋە تەن جازاسى بېرىش بەلگىلەنگەن، ئادەم ئۆلتۈرگەن، دۆلەتكە قارشى ھەرىكەت قىلغان، چەت ئەلگە سېتىلغان (ياكى پايلاقچىلىق قىلغان)، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق قىلغان، ئوت كېتىشتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىق قىلغان، ئۈچ قېتىم تەكرار ئوغرىلىق قىلغان … لارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش؛ ئادەم ساتقان، ئوردا، مەسچىد (بۇتخانا) نەرسىلىرىنى ئوغرىلىغان، چېرىك قورال ئوغرىلىغان، دۆلەتكە باج تۆلىمىگەن، ئادەم ئۇرۇپ يارىدار قىلغان، ئىجارە ھەققى تۆلىمىگەن، ئارتۇق ئىجارە ھەققى ۋە ئارتۇق جازانە ئالغانلار، يانچۇقچىلار … غا تۈنەك ياكى تۈنەك ئورنىغا مال جەرىمانە قويۇشمۇ كۆرسىتىلگەن؛ تەن جازالىرى: ئوغرىنىڭ ئوڭ قولى، بۇلاڭچىنىڭ ئوڭ پۇتى، خانغا قارشى سۆز قىلغاننىڭ تىلى، ئوت قويغاننىڭ سول قولى، ئالدامچى، خىيانەتچىنىڭ تىلى، زىناخورنىڭ بۇرنى، چېرىكلىكتىن قاچقاننىڭ سول پۇتى كېسىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىقى بەلگىلىمە تۈزۈلگەندىن كېيىن قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە « بۇنىڭغا قاراپ ھەربىر ئېلىگانلار يېڭىچە بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىشى كېرەك» لىكى جاكارلىنىدۇ (15).
« قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئەلنى قوغداش يارلىقى» نىڭ جاكارلىنىشى
قاراخانىلار دۆلىتى چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كېلىدۇ. « ئۇيغۇرۇش ھالقىسى» قارار چىقىرىپ ئوردا كېڭەشمىسى چاقىرىدۇ. چېرىك ئىشلىرى ئۈلچىسى يېغى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاغىچى (خەزىنىچى) خەزىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ.
كۆپچىلىك خەزىنىنىڭ ئەمەلدارلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپلەپ قول سوزۇشى بىلەن قۇرۇقدىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىردەك تالقىلاپ كۆرىدۇ. ئاخىرىدا «چېرىك قوشۇنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چېرىك ئېلىش كېرەك» لىكى، خەزىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن «يوغان قورساقلارنىڭ يېغىنى ئازراق شىلىش كېرەك» لىكى، چېرىك ئالغاندا «نامراتلاردىن ئېلىش، بايلاردىن ئالماسلىقنى توسۇش كېرەك، بايلار نامراتلارغا چېرىك سېلىقى سالىدىغان، كۆڭ-مالايلىرىنى ئۆز ئوغلى ئورنىغا بېرىدىغان ئىشلارنى چوقۇم چەكلەش كېرەك. بويسۇنمىغانلارنى جازالاش كېرەك» لىكى بىردەك ماقۇللىنىدۇ ھەمدە سۇتۇق بۇغراخان نامىدا «قاراخانىلارنىڭ ئەلنى قوغداش يارلىقى» جاكارلىنىدۇ.
«يارلىق» تا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بىزنىڭ ئەلگە ياغى كەلمەكچى! بۈگۈندىن باشلاپ ھەممە ئىشنى ئەلنى قوغداشقا قارىتىش كېرەك!
پۈتكۈل ئەل دۆلەتنى قوغداشقا ئاتلىنىش كېرەك! چېرىك كۈچىنى تولۇقلاش ۋە ئۇلغايتىش كېرەك. كىم چېرىك بولۇشقا لايىق بولسا، شۇ چېرىك بولىدۇ. خەزىنىنى كۆپەيتىش كېرەك. پۇلى بارلار جەڭدە ياردەم قىلىشلىرى كېرەك. بۇ يارلىققا قارشىلىق قىلغانلارغا جازا بېرىش كېرەك» (16).
«قاراخانىلار خاندانلىقى دۆلىتىنىڭ يەر، سۇ ۋە چارۋا مال تەڭشەش پەرمانى» ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرۇش قارارىنىڭ چىقىرىلىشى قاراخانىلار دۆلىتى يېڭى ئىچكى زىددىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بايلار ۋە بىر بۆلۈك ئەمەلدارلار خاندانلىقنىڭ قانۇن-
بەلگىلىملىرىگە ئەمەل قىلغاندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىرمۇنچىسى ئاستىرتتىن خىلاپلىق قىلىدۇ. بەزىلىرى مەقسەتلىك ھالدا ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ سۈيىقەست ئىشلىتىپ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كويىدا بولىدۇ. «قۇلدارچىلىق يوقىتىلىدۇ» دېگەن قانۇن ئېلان قىلىنغىنى بىلەن ئېزىلىش بىلەن ئېزىش ئەمەلىيەتتە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، بايلار بىلەن گادايلارنىڭ چەك-چېگرىسى بارغانسېرى ئوچۇقلىشىپ بارىدۇ. تېرىقچىلار ئىيان كۆتۈرىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان بۇ ئىشلارغا باش قاتۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا «تۈزۈمدە ئۆزگىرىش قىلىش»، «ئەلنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش»، قاتىللىق ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ «ئوردىدىكى ئارقا تىرىكىنى يوقىتىش»، «چەت ئەل پايلاقچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاغدۇرمىچىلىق ئېلىپ بارغان خائىنلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئۇلارنىڭ بارلىق مال - مۇلۇكلىرىنى خانلىققا ئېلىپ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى تېرىقچىلارغا، نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىش، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پۈتكۈل ئەلگە جاكارلاش، ئەلدىكى تېرىقچىلار، مالچىلار، چېرىكلەرنىڭ تىلەكلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يەر، سۇ، مالنى تەڭشەش، خاندانلىق نامىدىن يەر، سۇ، مال تەڭشەش پەرمانى چىقىرىش» كېرەك دېگەن قارارغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۆۋەندىكى پەرمان تۈزۈلىدۇ.
«قاراخانىلار خاندانلىقى دۆلىتىنىڭ يەر، سۇ ۋە چارۋا مال تەڭشەش پەرمانى:
يەر ۋە مالغا ئىگە بولۇشتىكى ئېغىر تەڭسىزلىك ئەلگە ئېغىرچىلىق كەلتۈرمەكتە. بارلارنىڭ بەك جىق، يوقلاردا يوق. چوڭ يەر ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ يەرلىرىگە باغلىۋالغان يەرسىزلەرنى، ئاز يەرلىكلەرنى ھەقسىز ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خالىغانچە ئۇرماقتا، ئۆلتۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ يېرى بار، چېرىكى بار. نامرات تېرىقچىلار، مالچىلار دوزاخ ئازابىغا
چىدىماستىن قارشىلق قىلماقتا، تىلەكلەر قويماقتا، دۆلىتىمىز تېرىقچىلارنىڭ > تىرىكلىك، ئەركىنلىك، يەر > دېگەن تىلەكلىرىنى قوللايدۇ. كىشىلەر ئۆز يەرلىرىدە ئۆزى ئۈچۈن ئەمگەك قىلىپ، ئۆزىنى باقالايدىغان، ياللانغانلار ئۆزىگە لايىق ئىش ھەققى ئالالايدىغان بولسۇن.
دۆلىتىمىز يەر - سۇ، مال - ئوتلاقلارغا ئىگە بولۇشتىكى تەڭسىزلىكنى تەڭشەش ئۈچۈن مۇشۇ پەرماننى چىقاردى. مۇشۇ پەرمانغا بويسۇنمىغانلارغا دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنمىغانلار قاتارىدا جازا بېرىلىدۇ.
بۇ پەرماننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەتلىك، ئايماقلىق، يېزىلىق تەڭشەش تۈگرىكى قۇرۇلىدۇ.» (17) ئاخىرىدا ئوردا ئەمەلدارلىرىغا قارىتا زۆرۈر بولغان تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىلگ ئاقارتىش ئولچىسى، ئوردا پۈتۈكچىسى، ئوردا ئاغىسى، قارۇغچى ئىشلار ئولچىسى، ئاغىچى، ئوردۇ قارۇغباشى، شەھەر قارۇغچىباشى قاتارلىق مۇئەسسەسەلەرگە باشقىدىن ئادەم تەيىنلىنىدۇ. چەت ئەل ئىشلىرى ئۇلچىسى، چېرىك ئىشلىرى ئۇلچىسى، سۇ باشى قاتارلىق مۇئەسسەسىلەرگە بۇرۇنقىلار يەنە باش بولىۋېرىدۇ. ئالۋان - ياساق ئۇلچىلىقى تېرىقچىلىق - چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا ئۆزگەرتىلىپ ئۇلچىلىققا مەخسۇس ئادەم تەيىنلىنىدۇ.
تۇنجى قېتىمقى « يارلىق » نى ئوردا باشى، « دۆلەت ئىشلىرى بەلگىلىمىسى » نى بېلىگ ئاقارتىش ئولچىسى، « ئەلنى قوغداش يارلىقى » نى ئېلىگ ھاجىپ، « يەر، سۇ ۋە چارۋا مال تەڭشەش پەرمانى » نى ئوردا ئاغىسى جاكارلايدۇ.
قىسقىسى، « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ 4 - بابى — « پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى بايانى » دا مەدھىيە ئوقۇلغان تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغراخان، 12 - بابى —
«سۆز بېشى كۈنتۈغدى ئېلىگە ھەققىدە» دە تىلغا ئېلىنىپ «قۇتى ۋە ئېتى بەلگىلىك» دەپ قەيت قىلىنغان كۈنتۈغدى ئېلىگە، «سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق تارىخىي روماندا مەدھىيە ئوقۇلغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوبرازى بولۇپ ئۇ ىزگە قاراخانىلار خاندانلىقى دەۋرىدە قانۇن بىلەن ئەل ئىدارە قىلىنغان بىر ئالتۇن دەۋرنىڭ يارلاق مەنزىرىسىنى كۆرۈشسىزگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ.
دېمىسۇ ئەھۋال شۇنداق بولۇپ، خۇددى تارىخچى بارتولىد بىلەن ئىن ئاتىرلارنىڭ ئېيتقىنىدەك «قاراخانىلار دۆلىتىدە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى كۆز قارىشى بارلىق كۆچمەن چارۋىچى ئىمپېرىيىلەردىكىگە ئوخشاش خۇسۇسىي قانۇن ساھەسىدىن دۆلەت قانۇنى ساھەسىگە قاراپ يۈزلەنگەن» (18) ھەمدە ئۆز دەۋرىدىكى جاھان ھاكىمىيەتلىرى ئىچىدە «ئۇ، تەرتىپ ۋە قانۇن - تۈزۈم جەھەتتە ئەڭ ياخشى دۆلەتلەرنىڭ بىرى» (19) بولۇپ تونۇلغانىدى.
(1) «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىل 5-ئاي 1-نەشرى، 86، 98، 99، 100، 101، 102، 103-بېيىتلار. (2) «قۇتادغۇبىلىك»، 405، 406، 407، 408، 409، 410، 415، 416، 417، 418، 419، 436، 437، 448، 449، 450، 451، 458، 459، 460، 461-بېيىتلار. (3) «قۇتادغۇبىلىك»، 1039، 1040، 1041، 1042، 1043، 1044-بېيىتلار. (4) «قۇتادغۇبىلىك»، 1045، 1051، 1056، 1061، 1062، 1067، 1068، 1160، 1110، 1111، 1112، 1149، 1150، 1160، 1161، 1342، 1343، 1374، 1451، 1456، 1458، 1459، 1460، 1461، 1487، 1517، 1518، 1520، 1521، 1548، 1570، 1571، 1573،
1576، 1380-بېيىتلار، (5) « قۇتادغۇبىلىك »، 1641، 1642، 1643، 1644، 1652، 1653، 1654، 1770، 1771، 1772، 1773، 1774، 1886، 1887، 1888-بېيىت، (6) « قۇتادغۇبىلىك »، 3093، 3094، 3095، 3096-بېيىت، (7) « قۇتادغۇبىلىك »، 3097، 3098، 3099، 3100-بېيىت، (8) « قۇتادغۇبىلىك »، 3102، 3103، 3104، 3105، 3106، 3107، 3108، 3109، 3110، 3111، 3112، 3113-بېيىت، (9) « قۇتادغۇبىلىك »، 5624، 5625، 5626، 5627، 5628، 5950، 5951، 5952-بېيىت، (10) « قۇتادغۇبىلىك »، 6340، 6341، 6345، 6346، 6347، 6348، 6349، 6350، 6351، 6410، 6420، 6421، 6422، 6423، 6424-بېيىت، (11) « قۇتادغۇبىلىك »، 6452، 6453، 6454، 6455، 6456، 6457، 6466، 6467، 6468، 6469، 6481، 6485، 6491، 6486، 6487، 6492-بېيىتلار، (12) « قۇتادغۇبىلىك »، 1049، 1050-بېيىت، (13) « قۇتادغۇبىلىك »، 88، 90، 93، 102، 115-بېيىت، (14) سەپىدىن ئەزىزى: « سۇتۇق بۇغراخان »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىل 9-ئاي 1-نەشرى، ئۇيغۇرچە، 162-بەتتىن 164-بەتكىچە قارالسۇن، (15) س. ئەزىزى: « سۇتۇق بۇغراخان ». مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىل، ئۇيغۇرچە. 485-بەتتىن 461-بەتلەرگىچە قارالسۇن، (16) بۇقىرىقىغا ئوخشاش، 521، 522-بەتكە قارالسۇن، (17) سەپىدىن ئەزىزى: « سۇتۇق بۇغراخان »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىل، ئۇيغۇرچە، 632، 633، 634-بەتلەر، (18) « بارتولىد ئەسەرلىرى توپلىمى ». 1-جىلدىنىڭ 330-بېتىدىن
كەلتۈرۈلگەن نەقىل. ۋېي لياڭتاۋنىڭ «قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىدىن ئوچېرىكلار» . خەنزۇچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى، 76-بەت. (19)ۋېي لياڭتاۋنىڭ يۇقىرىقى كىتابىنىڭ 84-بېشىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئىسلام تارىخچىسى ئىبىن ئاترنىڭ «ئومۇمىي تارىخ» دېگەن كىتابىنىڭ 9-جىلد 105-بېشىدىن كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
ئالتىنچى باب: يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ قانۇنشۇناسلىق تارىخىدا تۇتقان ئورنى
«لاۋزى» نىڭ 81-بابىدا «چىن سۆز ئۆز بولماس، ئۆز سۆز چىن بولماس. سەرە-خىل گەپ ھىيلە بولماس، ھىيلە گەپ سەرە-خىل بولماس» دېيىلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلغاندا ۋە ئۇنىڭ قانۇنشۇناسلىق تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا باھا بەرگەندە تاتلىق سۆز قىلىمەن دەپ ھىلە ئىشلەتمەي ئاچچىق بولسىمۇ راست گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىرىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى — ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر-تۈركىي خەلق قانۇنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككىسىنى ئۆزىدە يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىدىن بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قانۇنچىلىق تارىخىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» تە «تۈركلەرنىڭ مەشھۇر دۆلەت ئاتىسى» ئالىپ ئەرتۇڭاغا يۇقىرى باھا بېرىپ، قاتتىق سېغىنىش ھېسسىياتى ئىچىدە ئۇنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ: «تۈرك بەگلىرىگە نىزەر سېلىنسا، جاھان
بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇڭائالىپ ئەرنىڭ ئېتى ۋە بەختى بەلگىلىكتۇر. ئۇ ئىلىمدە بۈيۈك، كۆپ پەزىلەتلىك، بىلىملىك، ئەقىللىك، سەرخىل، زىرەك ئەر ئىدى. تاجىكلار ئۇنى ئەفراسىياپ دېگەنىدى « دەيدۇ(1). مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىپ ئەرتۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى رىۋايەتلىرىدە قەيت قىلىنغان تۇرانىلارنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى. ئۇنىڭ نامى ئەڭ ئاۋۋال پارس شائىرى فىردەۋسى (مىلادى 934 - 1027) نىڭ مىلادى 999-يىلى يازغان مەشھۇر ئەسىرى - « شاھنامە » دە تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « دىۋان لۇغەتت تۈرك » تىمۇ قەيت قىلىنغان، پارس رىۋايەتلىرىدە ئۇ « ئەفراسىياپ » دېيىلىدۇ. « دىۋان لۇغەتت تۈرك » تە ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇلغان نۇرغۇن خەلق قوشاقلىرى بار. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەلۇماتىچە، ئۇنىڭ پايتەختى ئوردۇكەنت (بۈگۈنكى قەشقەر) بولۇپ، بارچۇق شەھىرى (بۈگۈنكى مارالېشى)نى ئەفراسىياپ سالدۇرغان(2). ئۇ، پۇقرانىڭ غېمىنى يېيىشتە تەڭداشسىز، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولۇپ « ئۆز ئەمەلدارلىرى ۋە سەركەردىلىرى ئۈستىدىن شۇنداقلا ئۆزى ئۈستىدىن دائىم جەمئىيەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۆزى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئەلگە قىلغان خىزمىتىدە زالىلىق، زورلۇق بارمۇ - يوق؟ تەكشۈرۈپ تۇراتتى. بۇ ئىشقا ئېرىنمەستىن ئۆزى ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلەيتتى »(3)، لېكىن كېيىنچە بۇ « پەزىلەت بېگى يەنى خاقان ئەفراسىياپ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن زامان زەئىپلەندى، پەزىلەت ئازايدى، بۇزۇق، يامان ئادەملەر باش كۆتۈردى »(4).
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئۇرقۇن - يېنسەي، تالاس يادىكارلىقلىرىدىن تارتىپ « قۇتادغۇبىلىك » كىچە
بولغان ئارىلىقتىكى ئەنئەنىسى ئۈزۈلىگەن ئۆزئارا باغلىنىشلىق بىر مەدەنىي تارىخىي دەۋرنىڭ ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «قۇتادغۇبىلىك» تىن مەلۇم بولۇشىچە، ئرتوكەن بەگلىكىدە بەگلەرنى ئادىل، ئاقىل، بىلىلىك، كۆزى توق، دىلى كەڭ، سېخى، خەلقسۆيەر كىشىلەردىن تاللاپ مايلاش، دۆلەت خادىملىرى بەگلىكنىڭ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، قاتتىق سىر ساقلاش، قانۇننى بۇزۇپ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا قىلغان خادىملارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش؛ ياغما بەگلىكىدە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇش، ئۈچ ئوردا خانلىقى بىلەن تۈرك خانلىقىدا دۆلەتكە سادىق بولۇپ، دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى ئوبدان ئىشلىگەن ئەلچىلەرنى مۇكاپاتلاپ، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارا قىلغان ئەلچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش، پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئېھان قىلىشتا كەڭ قول بولۇش - پۈتكۈل جامائەت ئېنىراپ قىلغان ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ ئەينى زاماندىلا شۇ خانلىق ۋە بەگلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ھەم ھاكىمىيەتلىرىنى مۇستەھكەملىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينىغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەدىمكى زاماننىڭ ياخشى قانۇن - يوسۇنلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش لازىملىقى ھەققىدە توختالغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا مۇشۇ خانلىق ۋە بەگلىكلەرنىڭ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئاشۇ قانۇن - تۈزۈملىرىدىن گەپ ئاچىدۇ(5). تۈرك ۋە ئۇيغۇر خانلىقىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرگەن ئىچكى ئامىللارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇلارنىڭ قانۇننى بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن تۈزمىگەنلىكى، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئەلگە خاقان بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئەلدە بۇزۇقچىلىق يۈز بېرىپ خانلىقنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا يىغىنچاقلايدۇ. گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئىدىيىسى «قۇتادغۇبىلىك» تە بىز ھازىر چۈشەنگەندىكىدەك ئوچۇق
ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچ ئىككىلەنمەي تۇرۇپ ئۇنى ئۇرخۇن ۋادىسىدا تاشقا ئويۇپ پۈتۈلگەن «كېيىن ئىنىلىرى خاقان بوپتۇ، ئۇغۇللىرىمۇ خاقان بوپتۇ. كېيىن ئىنىسى ئاكىسىنى دورىماپتۇ، ئوغلى ئاتىسىنى دورىماپتۇ، بىلىمسىز خاقان تەختتە ئولتۇرۇپتۇ. بۇيرۇقلىرىمۇ ئېھتىمال بىلىمسىزلەردىن، بۇزۇقلاردىن بولسا كېرەك»، شۇڭا «تۈرك خەلقى تىكلىنىپ بولغان دۆلىتىدىن مەھرۇم بوپتۇ»، (ئىچكى جەھەتتە) «قائىدە-تۈزۈملىرىنى يولغا قويالمىغانلىقتىن يەنە تابغاچقا بېقىنىپتۇ» (6) دېگەن خاتىرىلەرنىڭ يېشارىتى دېيىشكە بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسىدە يۇقىرىقىغا ئوخشاش تۇتۇقراق ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار دەپ يەنە «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان «بىزدىن بۇرۇن ئۆتكۈچى جاھان تۇتقۇچىلاردىن قايسى بىلىملىك بولغانىكەن، شۇلار زاماننىڭ ئىگىسى بولغان، جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم ئىكەن، ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزۈپ ئۆرلىگەن ۋە ئۆلۈشنى بىلگەچ تەييارلىق قىلىپ تىرىككە ئاتاپ-پۈتۈك يېزىپ قويغان. بۈگۈن ئۇنى كىم ئوقۇپ بىلەلەيدىكەن (شۇنىڭدىن) ئۇلگە ئالار ھەم (ئۇنىڭدىن) ياخشىلىق تىلەر»(7). دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن، بۇمۇ ئوخشاشلا ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى «ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپراق يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتا-بوۋام بۇمىن خاقان، ئىستەمى خاقان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەختتە ئولتۇرۇپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ … ئۇلار دانا خاقان ئىكەن، باتۇر خاقان ئىكەن، بۇيرۇقلىرىمۇ ئېھتىمال دانا بولسا كېرەك، باتۇر بولسا كېرەك، بەگلىرى ۋە خەلقىمۇ سادىق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار دۆلەتكە ئەنە شۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىپتۇ. ئەلنى باشقۇرۇشنىڭ
قانۇنىي تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپتۇ» (8) دېگەن خاتىرە بىلەن «مەن بۇ يەرگە تۈرك خەلقىنى يىغىپ، ئەل تۇتقانلىقىڭلارنى ئويدۇردۇم، سىلەرنىڭ يېڭىلىپ (خاتالىشىپ) ئۆلگەنلىكىڭلارنىمۇ بۇ يەرگە ئويدۇردۇم. قانداق سۆزۈم بولسا (ھەممىنى) مەڭگۈ تاشقا ئويدۇردۇم؛ … (بۇ يەر) ئادەملەر ئۆتىدىغان مۇھىم يەر بولغاچقا، مۇشۇ جايغا مەڭگۈ تاشنى تۇرغۇزدۇم، (سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا) يازدۇردۇم، ئۇنى كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار.» (9) دېگەن خاتىرىلەرگە قىلىنغان مەقسەتلىك بېشارەتتۇر، بۇ نۇقتىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى دۇنيادا ئۇرقۇن ئابىدىلىرىنى XIX ئەسىرگىچە تۇنجى بايقاپ خەۋەردار بولغان ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ھەقىقىي ئالىم دېيىش مۇمكىن.
ئۇرقۇن ئابىدىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرقۇن دەريا ۋادىسىدىكى ئوتوكەن تېغىدا دۆلەت قۇرغان تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن مىراس قالغان بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى قانۇن-تۈزۈملىرى بولۇپ، تۈرك ۋە ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى دۆلىتىنى ئەنە شۇ قانۇن-تۈزۈملەرگە ئاساسلىنىپ باشقۇراتتى. خۇددى تۈركىيە ئالىمى كافېسوغلونىڭ ئېيتقىنىدەك «خاقانلار يەرلىك ئەمىر-پەرمانلىرىنى، سوتچىلار قارارلىرىنى (تۆرە) گە ئاساسەن چىقىراتتى، تۈرك خاقانلىرىنىڭ تەختىگە چىقىشمۇ (تۆرە) ھۆكۈملىرىگە ئاساسلىناتتى» (10). بۇ قانۇن-تۈزۈملەر ناھايىتى قاتتىق ئىدى.
ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلىرىدە بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. «سۈينامە» 84-جىلد — «تۈركلەر ھەققىدە قىسمە» دە، تۈركلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم «ئائىلە قانۇنى» بارلىقى قەيت قىلىنغان. مىلادىنىڭ 583-يىلى (كەيخۇاڭ 3 - يىلى) چۈشۈرۈلگەن سۈي ۋېندىنىڭ «تۈركلەرگە جازا يۈرۈش قىلىش يارلىقى» دا، ئۇلارنىڭ ئۆز
ئالدىغا ئايرىم «ئائىلە قانۇنى بار، ناھايىتىمۇ قاتتىق» دېيىلگەن. «شىمالىي سۇلالىلەر نارىخى» نىڭ 99-جىلد — «تۈركلەر ھەققىدە قىسسە» دە، ئۇلارنىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى مۇنداق: ئاسىيلىق قىلغانلار، ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر، ئەرلىك خوتۇنلارنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا تەگكەنلەر، سالما ئوغرىلىغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ؛ پاھىشە، قىلغانلارنىڭ ئاۋۋال تاناسىل ئەزاسى كېسۈپتىلىپ كېيىن بەلدىن چېپىلىدۇ؛ قىزلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەنلەردىن زور مىقداردا تۆلەم تۆلىتىۋېلىنىدۇ ئاندىن قىز ئۇنىڭغا مەجبۇرىي نىكاھ قىلدۇرۇلىدۇ؛ جېدەل-ماجرا چىقىرىپ باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلەر قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكىگە قاراپ زەخىملەنگۈچىگە تۆلەم تۆلەيدۇ؛ بىراۋنىڭ كۆزىنى جاراھەتلەندۈرگەنلەر جاراھەتلەنگۈچىگە قىزىنى بېرىدۇ، قىزى يوقلار خوتۇنىنىڭ مال - مۈلكىنى بېرىدۇ؛ بىراۋنىڭ پۇتىنى سۇنىدۇرۇپ قويغۇچىلار بەدىلىگە ئات تۆلەيدۇ؛ ئات ۋە شۇنىڭدەك باشقا نەرسىلەرنى ئوغرىلىغانلاردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوغرىلىغان نەرسىلىرىنىڭ ئون ھەسسىسى تۆلىتىۋېلىنىدۇ» دېيىلگەن (11).
ناھايىتى روشەنكى، خەنزۇچە مەنبەلەردە «ناھايىتى قاتتىق ۋە رەھىمسىز» دەپ قەيت قىلىنغان تۈركلەرنىڭ «ئائىلە قانۇنى» — ئۇرقۇن ئابىدىلىرىدە خاتىرىلەنگەن «ئاغىر تۆرۈ» دېيىلگەن «قاتتىق قانۇن-تۈزۈم» نىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، ئۇ «ۋېينامە، تۆلۈسلەر ھەققىدە قىسسە» دىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، جۈليەنكۈەن ئەپەندى «تۆلۈسلەر ھەققىدە قىسسە» دە ئۇچرايدىغان «تۆرۈ» (خەنزۇچە يېزىلىشى 吐汗) نى تۈركلەردىكى «تۆرۈ» (Torü) بىلەن بىر دەپ قارىغان (12).
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، يۇقىرىقى مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان «قاتتىق» دېگەن مەسىلە تۈرك ۋە ئۇيغۇر
ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزى تەۋەسىدىكى چارۋىچى قەبىلىلەر ۋە ئۆزىگە قارام قىلىنغان خەلقلەردىن ھاكىمىيەتكە قارشى چىققان، ئاسسىيلىق قىلغانلارغا قوللىنىدىغان جازالىرىنىڭ «قاتتىق» لىقىغا شۇنداقلا پۇقرالىرىغا سېلىنغان زۇلۇمنىڭ چىڭلىقىغا قارىتىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ قانۇن ئىدىيىسى شەرھلەنگەن «قۇتادغۇبىلىك» تە، مانا مۇشۇنىڭدىكى بىكار قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ نېمىلىكىنى، ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. يوقىتىشقا تېگىشلىك دەپ زۇلۇمنى، ئەۋج ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ ئادالەتنى ئاتايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئىجابىي ۋە سەلبىي دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ لياۋ، سۇڭ، جىن، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرى فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دەۋرى ئىدى. بۇ دەۋرلەردە يېتىشىپ چىققان قانۇنشۇناسلارنىڭ تامامى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان فېئوداللىق قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگىنىگە ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن ئىدىيىلىرىدە زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان فېئوداللىق دۆلەتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇلاردىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باۋچىڭ، ۋاڭ ئەنشى ھەم سىماگۇاڭ قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كۈپايە.
بۇ ئۈچ نەپەر قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن زامانىداش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە باۋچىڭ بىلەن ۋاڭ ئەنشىنىڭ بولۇپمۇ ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئىدىيىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىن يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ. ئەمما سىماگۇاڭنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى بىلەن سىغىشالمايدىغان نۇرغۇن
تەرەپلەر بار، ئۇنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن باۋچىڭنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇنلىرى مۇنداق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، «دۆلەتكە پايدىلىق، پۇقراغا زەرەرسىز» بولۇشتىن ئىبارەت قانۇن پرىنسىپى. بۇ - قانۇن تۈزۈشتە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنبەئىتىنى كۆزدە تۇتۇش، كۆز ئالدىدىكى كىچىك مەنبەئەتنى قوغلاشماي، ئۇزۇن يىللىق پىلان بولۇش، پۇقرالارغا نەپەقە بېرىشنى دۆلەتنى باي قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىش، پۇقراغا سىياسەتتە كەڭ قول بولۇپ، ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، قىيىنچىلىقى ئېغىرلارنى قىيىنچىلىقتىن خالاسلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، دۆلەتنى تۈزەشتە پۇقراغا كەڭچىلىك قىلىش، پايدىلىق ئىشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناچار نەرسىلەرنى يوق قىلىش، قانۇن-تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش، قانۇنغا ئاساسەن ئىش كۆرۈش، قانۇننىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش، قانۇن تۈزۈش ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇش. ئۈچىنچى، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشتا قاتتىق بولۇش، قانۇننى ئادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىش. تۆتىنچى، قانۇن تۈزۈشتە شەپقەتسىز قانۇن يولغا قويۇشقا قارشى تۇرۇش، جازانى ئاز قوللىنىش، ئەدلىيە خىزمىتىدە «ئادەمنى قاتتىق خارلايدىغان كىشى» نىڭ سوتچى بولۇشىغا يول قويماسلىق. بەشىنچى، سونچىلارنى قاتتىق تاللاش، ئۇۋاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ئىككەنچى رەتتە تۇرىدىغىنى سىماگۇاڭنىڭ قانۇن ئىدىيىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئەبارەت: بىرىنچى، تەقدىرچىلىك نەزەرىيىسى ۋە قاتمال تارىخىي كۆز قاراشىنى تەشەببۇس قىلىش، بۇنىڭ بىلەن ئېزىلگۈچى خەلق ئاممىسىنى نادانلىقتا قالدۇرۇش، قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك، بۇرۇنقىلارنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تەقدىرچىلىك كۆز قارىشىدا
چىڭ تۈرۈپ، قانۇن يېڭىلاش ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىش. ئىككىنچى، ئەدەب-قائىدىنىڭ بولۇش - بولماسلىقى دۆلەتنىڭ قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش - ئوڭشيالماسلىقنىڭ تۈپ مەنبەسى، ئۈچىنچى، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق ۋە توغرا بولۇش، ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئادەم ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. تۆتىنچى، ھەم ئەدەب - قائىدىنى تەكىتلەش، ھەم قانۇننىڭ مۇھىملىق رولىغا ئەھمىيەت بېرىش.
ئۈچ نەپەر قانۇنشۇناس ئىچىدە ئىدىيىسى ئەڭ ئىلغار بولغىنى ۋاڭ ئەنشى بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇنلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت. بىرىنچى، كونا ئۆرپ - ئادەت ۋە قانۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش. ئىككىنچى، يېڭىدىن قانۇن تۈزۈش ۋە تۈزۈلگەن يېڭى، ياخشى قانۇنلار ئارقىلىق ئەلنى تۈزەش. ئۈچىنچى، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ساقلانغان جازادا نامۇۋاپىق بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش. تۆتىنچى، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇش، قانۇن بولۇشتىن تاشقىرى ياخشى بولغان قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەمەلدارلىرى بولۇش ۋە شۇلار ئارقىلىق قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇن ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىقى دۆلەتنىڭ خاتىرجەملىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ۋاڭ ئەنشى فېئودال قانۇن ئىدىيىسىنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى، قانۇنچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ ئەدلىيە، قانۇن خادىملىرىنى تەربىيىلەشتۈر. بۇ ۋاڭ ئەنشى قانۇن ئىدىيىسىنىڭ يۇقىرىقى تۆت مېغىزى ئىچىدە بىردىنبىر مۇھىم تۇرىدىغان تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە بىزگە ئايان بولغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قانۇنچىلىرىنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىمۇ ئەكس ئېتىشى ئۇلارنىڭ قانۇن، ھوقۇق چۈشەن-
چىلىرىنىڭمۇ تامامەن بىر-بىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خاسلىقلىرى بار، ئەلۋەتتە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئادالەت مۆمىن ھايۋان قوينىڭ، ئۇنىڭ كۈشەندىسى بولغان زۇلۇم يىرتقۇچ ھايۋان بۆرىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئوبرازلاشتۇرۇلغان. ئەلدە زۇلۇم يوقىتىلىپ، ئادالەت باش كۆتۈرگەن دەۋرنىڭ كۆرۈنۈشى بۆرە بىلەن قوينىڭ بىر يەردە يۈرەلىشىدىن ئىبارەت تەستە ئىشقا ئاشىدىغان مۈشكۈلات كارتىنىسىغا جەملەنگەن. مەسىلەن، كۈنتۇغدىنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان ۋاقتىدىكى تىنچلىق، ئەسنىلىك ۋەزىيىتى «خاقان يۈرتىنى تۈزگەچ ئېلى باي بولدى، بۆرە، قوي بىر جايدا سۇئىچتى»، «قوزا بىلەن بۆرە بىر-بىرىگە قېتىلىپ يۈرۈشتى» دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدىغا ۋەزىر بولغان چاغدا بارلىققا كەلگەن پاراۋان باياشاد مۇھىت «خەلق زەخمەتتىن قۇتۇلدى، قوزا بىلەن بۆرە قوشۇلۇپ يۈردى»، «قوزا — توقلى بىلەن بۆرە تەڭ بولۇپ، بىر مەزگىل شۇ خىلدا ياشىدى» دەپ تەسۋىرلەنگەن (13). ئەلدە ئورنىتىلغان تىنچلىق، ئەمىنلىكنى يۇقىرىقىدەك سىمۋوللاش ئەنئەنىسى قاراخانىلاردىن كېيىنكى ھەرقايسى ھاكىمىيەت دەۋرلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدىمۇ ئەنئەنە سۈيىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىن باشلانغان بۇنداق سىمۋوللاشتۇرۇشىنى شەرىپىدىن ئەلى يەزدىنىڭ كىتابى، شاھ مەھمۇت جورراسنىڭ كىتابى شۇنداقلا X IX ئەسىردە تارىخچى موللا مۇسا سايرامنىڭ قەلسىدە يېزىلغان «تارىخى ئەمىنىيە» دە ئۇچرىتىش مۇمكىن. شەرىپىدىن ئەلى يەزدى (تەخمىنەن مىلادى 1360 — 1440) يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چاغاتاي
نەسلىدىن بولغان تۆمۈر كوراگان (تۆمۈرلەڭ، ئاقساق تۆمۈر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن تىنچلىق، ئەمىنلىك، پاراۋان، باياشاد ۋەزىيەتنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:
شامالدىن سۇمۇ پەرياد قىلمىدى، گۈللەر باغرىمۇ چاك - چاك بولمىدى. قوي - قوزىلارغا تەگمىدى قاشقىر، بىرگە يۈردىلەر كېيىك بىلەن شىر. يىڭنىدىن باشقا يالىڭاچ كىشى يوق، نالايىق ئىشلار، ئوغرىلىقمۇ يوق. بۇنداق شۆھرەت - داڭقى كۈنسېرى، ئاشتى، كەتتى ياپون، فەرەڭلەر سىرى (14).
گەرچە بۇنىڭدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭكىدەك «قوي بىلەن بۆرە بىر جايدا سۇ ئىچتى» دېيىلمىسىمۇ، «كېيىك بىلەن شىر بىرگە يۈردى، قاشقىر قوي - قوزىلارغا تەگمىدى» دېيىلىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى ئوبرازلاشتۇرۇشنىڭ ئىككىنچى بىر خىل ۋارىيانتىدۇر.
شاھ مەھمۇد جورراس «تارىخىي رەشىدى - زەيلى» (ئابدۇرېشىتخان تارىخىنىڭ داۋامى) دە، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانلىرىدىن بولغان يولۋاسخان دەۋرىدىكى زوراۋانلىقنى بايان قىلىپ «ئۇ، سىڭگە بىلەن قىلىشقان گەپلىرىدىن يېنىۋېلىپ، پۇقرالارنىڭ بېشىغا زۇلۇم قولىنى ئۇزاتتى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئاچكۆزلۈك، تەبىئىتىگە زۇلۇم شۇنداق ئورۇنلىشىپ كەتتىكى، زۇلۇم باياۋانىدا ئۇنىڭ ئالدىدا ھەججاجمۇ خىجىل، زەھاكمۇ تۆۋەن تۇراتتى، پىتنە - پاساتتا ئۇنىڭ ئالدىدا شەيتانمۇ ئەيىبلىك، دەججالمۇ يېتىشەلمەيدىغان بولدى» دېسە، ھىجىرىيىنىڭ 1080-يىلى يەكەندە شۆھرەت
قازانغان سۇلتان يۇنۇسخان زامانىسىدىكى دوغلات قوۋمى ئىچىدىن چىققان ئىناۋەتلىك قوماندان ئەركا بەگ دەۋرىدىكى ئەھۋال: «مەملىكەت ھەزرىتى خاننىڭ دەۋرىدە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، جەننەتمۇ چىدىمايدىغان، ئىرەمنىڭ گۈلستانىغىمۇ تەنە قىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. خاننىڭ دۆلىتىدە پۇقرالارمۇ ئەمەلدارلاردەك تۇرمۇش كەچۈردى» دەيدۇ (15).
موللا مۇسا سايرامى يازغان «تارىخى ئەمىنىيە» دە، خوجىلارنىڭ يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان چاغدىكى ئاچكۆزلۈكى بۆرىنىڭ قويغا ئېتىلغىنىغا ئوخشىتىلىپ: «ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىر بۆرە بولۇپ خۇددى قويغا ئېتىلغاندەك، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكى ھەتتا ھاياتىغا ھۇجۇم قىلىپ خەلققە ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇم جاپا قىلدى … خوجىلار يۇرتىنى ئىدارە قىلىش ئىشىنى، دۆلەت ۋە سىياسەت قائىدىلىرىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ھالى خاراب بولۇپ چىدىغۇچىلىكى قالمىدى» (16) دەپ سۈرەتلەنسە، ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد جامالىدىن خوجىنىڭ يەكەنگە كېلىپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدىكى ياخشى ۋەزىيەت بۆرە بىلەن قوينىڭ بىر يەردە سۇ ئىچكەنلىكىگە ئوخشىتىلىپ: «خوجام پادىشاھ ئىنئام-ئېھسان ۋە سېخىيلىكنىڭ ئىشىكىنى يوغان ئاچتى، ئادالەتنىڭ قانىتىنى كەڭ يايدى. نەتىجىدە قوي بىلەن بۆرە بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى، لاچىن بىلەن كەپتەر بىر جايغا ئۇۋا تۇتتى. ئىنان گۇرۇھى ھەتتا پۈتۈن مەخلۇقات ئارىسىدىمۇ ئىتتىپاقسىزلىق، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۈگىتىلىپ، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت، ئىشەنچ ۋە ساداقەتنىڭ قائىدىلىرى قۇياشقا ئوخشاش نۇر چاچتى. مۇشۇ يول بىلەن ھەممىنى خۇشال-خۇرام، خاتىرجەم، باياشاد، پاراۋان، بىغەم قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى» دەپ مەدھىيىلەنگەن (17).
«قۇتادغۇبىلىك» تە خاتىرىلەنگەن ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى يىراق دەۋرنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان، ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىگە ئايلىتىپ كەتكەن، تىنچلىق ۋە ئەمىنلىكنى قوي بىلەن بۆرىنىڭ بىر يەرگە كېلىپ سۇ ئىچەلگىنىگە ئوخشىتىدىغان ئادەت — ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن چۈشەنچىسىدە ئۆزلىرىنىڭ يايلاق ھاياتىدىن ئۇرغۇپ چىققان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ خەلق ناھايىتى ئارزۇ قىلىدىغان مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە كەڭ ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئۇ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغان مىللەتلەرنىڭ تىنچلىق تۇيغۇسىدىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مۇھىم ۋە روشەن بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» يېزىلغان XI ئەسىردە، ئەلدە ئېكسپىلاتاتسىيىنى يوق قىلىشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان «بۆرە بىلەن قوزىنىڭ بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچشى» قاراخانىلار ئوردىسىدىكى ۋەزىردىن كېيىنكىلا ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئوردا ئەمەلدارى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان بىر سىياسەت ھالىتىدە كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىلەن، ھۆكۈمرانلارنىڭ پۇقرالارغا رەھىمدىللىك قىلىشنىڭ سىمۋولى بولغان «مۈشۈكنىڭ چاشقاننى بېقىشى» تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكى ۋەزىرلەر تەرىپىدىن مۇتلەق ئېتىراپ قىلىنمايدىغان ئىش ئىدى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە «مۈشۈكنىڭ چاشقاننى بېقىشى» دېگەن بىر ھېكايە پەيدا بولۇپ، بىر مۈشۈكنىڭ بىر دانە چاشقان بالىسىنى چوڭ بولغانغا قەدەر پەرۋىش قىلىپ باققانلىقى ئاۋام ئارىسىغا تارقالغانىكەن. بۇنى پۇقرالار پادىئاھلارنىڭ ئىنسابىغا قارىتا تەڭرىنىڭ رازىمەنلىكىدىن زاھىر بولۇۋاتقان مۆجىزە دەپ قارىشىپتىكەن. پادىئاھ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانىكەن. ئوردا
ۋەزىرلىرى مەسلىھەتلىشىپ 100 كىشىلىك ئەمەلدارلار كېڭىشى ئۆتكۈزۈپ، بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى تەبرىكلىمەكچى بولۇشۇۋاتقاندا، ئارىدىن بىر ۋەزىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۈشۈكنىڭ چاشقاننى يېيىشى تەڭرىتىنىڭ ئىرادىسى. ھازىر مۈشۈك چاشقانغا ئىچ ئاغرىتىدىغان بوپقاپتۇ، بۇ قائىدىسىزلىكتۇر. ئۇنى قانداقمۇ تەڭرىتىنىڭ ئىرادىسى دېگىلى بولسۇن؟ دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ئېغىز گەپ داغدۇغىلىق ئېچىلماقچى بولغان بىر چوڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن (18). ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ياشايدىغان خەنزۇ خەلقىدە قەدىمدىن تارتىپ « پۇقرالار ئەمەلدارلارغا يۆلىنىپ ياشايدۇ، ئەمەلدارلار پادىشاھلارغا تايىنىپ ھايات تۇرىدۇ، جاھان بىرلا ئادەمگە تەئەللۇق بولىدۇ » دېگەن قاراش ناھايىتى ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنىدى (19). قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا بولسا بۇ خىل « ئەنئەنە » نىڭ تەسىرى نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ، بۇلاردا ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىرخىل ھوقۇق چۈشەنچىسى ھۆكۈم سۈرەتتى.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمدارغا ھۆكۈمرانلىق سۈپەتلىرىنى تەڭرى ئاتا قىلاتتى. بۇنداق ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى بويىچە ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ھۆكۈمدارلارغا تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلەتتى. شۇڭا خەلقلەر ئادەتتە خاقانلىرىنى كۆكنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلىگە ئوخشىتاتتى. بۇ ھادىسە « قۇتادغۇبىلىك » - تە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ 740 -، 741-بېيىتلاردا، قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر شائىرىدىن بىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق « قۇت » نى « دۆلەت » سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، « قۇت » سۆزىنى « دۆلەت » نىڭ ۋارىياتنى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. 5469، 5470، 1933، 1934، 1978،
5947 ۋە 5195-بېيىتلاردا، ھاكىمىيەتنىڭ ئاللا (تەڭرى) تەرىپىدىن ھۆكۈمدارغا خەير - ئېسان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت ھوقۇقنىڭ ئىلاھ تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ۋە بىر كىشىگە مەنسۇپ بولغان ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىلاھنىڭ ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېزىدۇ. بۇ چۈشەنچە بويىچە ئېيتقاندا، ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققانلار ئادالەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش لازىم بولۇپ، دۆلىتىنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرسا، خەلقنى زۈلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ باي قىلالسا تەختتە ئۇزۇن ئولتۇرىدۇ. ئەكسىچە بولسا، تەڭرى ئۇنىڭ قولىدىكى ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىپ، باشقا بىر ئادىلراق ھۆكۈمدارغا تۇتقۇزىدۇ.
قەدىمكىلەرنىڭ تەختتە ئولتۇرۇش مۇراسىملىرىدىكى ھۆكۈمدار بولغۇچىنى قىزىل كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ، قۇياشنى ئەگىشىپ ئايلاندۇرۇش، بوينىغا بوغۇق سېلىپ ئاتقا ئولتۇرغۇزۇپ سوئال سوراش قاتارلىق ئادەتلەر ئەنە شۇ چۈشەنچىنىڭ رەسىم-يوسۇندىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئۇ، پروفېسور سەي خۇڭشىن تىلغا ئالغان « تەختكە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى » نىڭ ئەمدى بىخ سۈرۈۋاتقان « ھامىلە دەۋرى » دىكى ئەمەس بەلكى پىشىپ يېتىشكەن دېموكراتىك ئىدىيىلەر دەۋرىدىكى ئىنكاسىدۇر.
« جۇنامە. تۈركلەر ھەققىدە قىسە » دە مۇنداق دېيىلگەن: « ھەربىر خاقان تۇنجى قېتىم تەختكە چىقىدىغان چاغدا، مەھرەملەر ۋە ئەمەلدارلار ئۇنى كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قۇياشنى ئەگىشىپ توققۇز قېتىم ئايلاندۇرىدىكەن. ھەر قېتىم ئايلاندۇرۇلۇپ توختىغاندا، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭغا بىر قېتىم تەزىم بەجا كەلتۈرىدىكەن، ئاندىن يۆلەپ ئاتقا ئولتۇرغۇزىدىكەن ۋە بوينىغا يىپەك بوغۇق سېلىپ ئۆلۈپ قالمىغۇدەك قىلىپ قاتتىق بوغىدىكەن. كېيىن بوغۇقنى بوشىتىپ،
سەن بىزگە قانچە يىل خاقان بولۇپ بېرەلەيسەن؟ دەپ سورايدىكەن، كاڭگىراپ قالغان خاقان پۇقرالارغا ئۆزىنىڭ قانچە يىل خاقان بولۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدەكەن، بۇ چاغدا قول ئاستىدىكىلىرى ئاغزىغا گەپ سېلىپ بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ خاقانلىقتا قانچە يىل ئولتۇرالايدىغانلىقى مۆلچەرلىنىدىكەن.» (20)
تۈركلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈمىدىكى پۇقرالىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھۆكۈمدارلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندا، ئوقيانىڭ كىرىچى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرىدىغان ئادەتنىڭ بارلىقى يۇقىرىدىكى مەنبەدە بىزگە مەلۇم بولغان « بوينىغا يىپەك بوغۇق سېلىپ ئۆلۈپ قالمىغۇدەك قىلىپ قاتتىق بوغۇپ تۇرۇپ سوئال سوراش» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
« جۇنامە » دە قەيت قىلىنغان تۈركلەرنىڭ دەپ قارالغان يۇقىرىقى ئادەت، ھازىرقى زاماننىڭ نوپۇزلۇق تارىخى دەپ قارىلىۋاتقان تارىخلاردا، ئەينى زاماندا تۈركلەر بىلەن بىللە ياشىغان ئۇيغۇرلاردىكى « توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم مۇراسىملىرى» نىڭ مەزمۇنلىرى قاتارىغا قويۇلۇپ، « … توققۇز نەپەر بۇيرۇق (ۋەزىر) خاتۇننى كۆتۈرۈپ ئوردا ئىچىدە قۇياشنى ئەگىشىپ ئوڭ تەرەپكە توققۇز قېتىم ئايلاندۇراتتى» شەكلىدە قەيت قىلىنىدۇ (21).
تارىخىي قەيتلەردىن مەلۇمكى، قەدىمكىلەرنىڭ بۇ قائىدە-يوسۇنلىرى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە تاكى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملاشتى. ئەمما ئۇنىڭدىكى كۈن تەڭرىسگە چوقۇنۇشنى مەزمۇن قىلغان « قۇياشقا ئەگىشىپ توققۇز قېتىم ئايلاندۇرۇش» ئادىتى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلىپ، « كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ تەختكە چىقىرىش» ئادىتىلا ئەسلىسىنى ساقلاپ قالدى. قەدىمكىلەر ھۆكۈمرانلارنى
تەختكە چىقىرىش مۇراسىملىرىدا كىگىز ئۆيلەردىن چىقىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەن بولسا، كېيىنكىلەر دەۋرىگە كەلگەندە مۇراسىملار مەسچىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، قاتناشقۇچىلار رۇكۇدا ئولتۇرۇپ قىبلىگە يۈز كەلتۈرىدىغان بولدى. بۇنى «تارىخى ئەمىنىيە» دە قەيت قىلىنغان كۇچا خەلقىنىڭ ئەھمىەت ۋاڭ، مۇھەممەت قۇربانبەگ ھاكىم باشلىق سەككىز بەگنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىنىڭ مازىرىدا ئۇزۇن يىل ئىبادەت قىلغان راشىدىن خوجىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ، پادىشاھلىق قائىدىسى بويىچە ئاق كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇلغانلىق ۋەقەسى، ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ مەھمۇددىن خوجىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، قارا كالتەك بولۇپ قوزغىلىپ چىقىپ، جۈمە نامىزىدىن كېيىن مازار تېرەك دېگەن جايدا مىرزاجان ھەزرەت دېگەن كىشىنى پادىشاھلىق قائىدىسى بويىچە ئاق كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنلىك ۋەقەسى، شۇنداقلا خوتەن خەلقىنىڭ ھەبىبۇللا ھاجىنى بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ئاق كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ پادىشاھلىق تەختىگە چىقارغانلىق ۋەقەلىرى (22) دەلىللەپ تۇرماقتا.
يىغىنچاقلىغاندا، پۇقرالارنى قويغا، ھۆكۈمرانلارنى قوي باققۇچىغا ئوخشىتىپ، قوي باققۇچىنىڭ قويلىرىنى ئوبدان ئاسراپ بۆرىلەرگە يەم قىلىۋەتمەسلىكنى ھۆكۈمدارلارنىڭ پۇقرالىرىنى ئاسراپ زالىم، قانخورلارنىڭ بوزەك ئېتىشىگە يول قويماسلىقىغا تەمسىل قىلىدىغان، قويۇق مىللىي تۈس ئالغان، ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ مەلۇم ئىنكاس بولۇپ تۇرۇۋاتقان فېئودال خەلقچىلىق ئىدىيىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ راۋاجى بولۇپ، ئۇ، ئۇرقۇن
ئابىدىلىرىدىن باشلاپ قەلەمگە ئېلىنغان، «قۇتادغۇبىلىك» تە مۇكەممەللەشكەن، سەككاكى، ئەلشىرناۋانى ۋە موللا مۇسا سايرامى ئەسەرلىرىدە ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ، بىر تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە.
«قۇتادغۇبىلىك» تە: «خەلق قوي، بەگ چوپان كەبىدۇر. چوپان خەلققە مېھرىبان بولماق كېرەك. ئىشىكتە نۇرغۇن ئاچ بۆرىلەر ياتىدۇ، ئېلىگ قوينى كۆزەتمەك كېرەك» دېسىلگەن (23). سەككاكى (شەيخ مۇھەممەت سەككاكى) ئۆلۈمبەگ دەۋرى (1409 – 1449) دىكى ئەل ئاسايىشلىق تاپقان ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپ: «رەئىيەت قوي ئېرۇر، سۇلتان ئەلگە چوپانۇ يا بۆرە، پۆرە ئولغايۇ قوي تىنغلى، جۇمۇ ساتبىك شۇبان كېلدى» دېگەنىدى (24). ئەلشىر ناۋايى (1441 – 1501) «مەھبۇبۇلقۇلۇپ» دېگەن كىتابىدا «ئادىل پادىشاھ شەھەر ۋە مەھەللىلەرنىڭ پاسىبانى (كۆزەتچىسى)، يېزىدا قويلارنىڭ چۈپانى (پادىچىسى) دۇر»، «ئادىل پادىشاھلارنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىدە قوي-قوزىلار بۆرىنىڭ خەۋپىدىن… خاتىرجەم ياشايدۇ» دېگەن (25). موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ئەمىنىيە» دە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پۈتۈن پادىشاھلار قوي باقىدىغان پادىچىغا ئوخشاش دېيىلىدۇ. بىر پادىچى ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان قوينى ئوبدان بېقىپ، ياخشى خەۋەر ئالسا، قويلار كۆپىيىدۇ، پادىچىنىڭ قوي ئىگىسى ئالدىدا مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ؛ ئەگەر ياخشى باقماي بىپەرۋالىق قىلسا، قوي ئىگىسى قويلىرىنى باشقا پادىچىغا بېرىپ ئىلگىرىكى پادىچىنى ھەيدىۋېتىدۇ. ھەرقانداق پادىشاھ پۇقرالارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، دۆلىتى زىيادە، مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ، يۇرت ۋە مەملىكىتى ئاۋات، كەڭرى، باياشاد بولىدۇ؛ مۇبادا ياخشى خەۋەر ئالماي بىپەرۋالىق قىلىپ، پۇقرالارنى زالىم - قانخور
ئەمەلدارلارغا تاشلاپ قويسا، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئۇلۇغ تەڭرىم يۇرت ۋە مەملىكەتنى يەنە بىر پۇقراپەرۋەر پادىشاھقا تاپشۇرىدۇ» (26). يۇقىرىقى مىساللاردىن «قۇتادغۇبىلىك» تەنامايان بولغان خىيالىي خەلقچىللىق قاراشلار بىر خىل مىللىي ئەنئەنىۋى تەركىبكە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ فېئودال خەلقچىللىق ئىدىيە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى مىللىي تەركىبلەر بويىچە ئەمەس بەلكى سىنىپى تەركىبلەر بويىچە كاتېگورىيىلەشتۈرگەن ئەڭ توغرا يېتەكچى ئىدىيە - ماركسىزم-لېنىنىزملىق مىللەت قارىشىغا زىت بولۇپ، تار دائىرىدىكى مىللىي، مەھەللىۋى كۆز قاراش ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئۇ، ماركسىزم ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزمغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنىلا غايەت زور تەرەققىيەرۋەرلىك ھەم ئىلغارلىقتۇر. ئۇنىڭ مىنۇتىغا ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ زام انىۋى، ئەڭ توغرا ئىدىيىلىرى بىلەن سىغىشالماي، يەنىلا پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرى ئىچىدىن سايلانغان ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلغان ھالدا ھوقۇق تۇتۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئارقىلىق ئاۋام ئارىسىدا ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرۇشى - ئۇنىڭ تارىخىي يىلتىزىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ھەم چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇلۇغ قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشىغان ۋاقتى تارىخچىلار ۋە «قۇتادغۇبىلىك» شۇناسلار بىردەك ئېتىراپ قىلغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، قانۇن، مەدەنىيەت جەھەتلەردە زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئالتۇن دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى شۇنداقلا قانۇنلارنىڭ ئاياغ - ئاستى قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن كرىزىس دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە توغرا كەلدى.
بۇ چاغدا فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىداتى قەييۇم كەرسوغنىڭ ئېيتقىنىدەك «مەئشەت، ئىشرەتپەرەسلىك، ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، نىزا، تۆھمەت، پىسقى-پاسات، بۇزۇقچىلىق، مەيپەرەسلىك، كەيپ-ساپاغا بېرىلىش، تەكەببۇرلۇق، خىيانەت، بايلىق ۋە دۆلەتكە مەست بولۇپ، بارچە ياخشى خىلەتلەردىن مەھرۇم بولۇش، مەنپەئەتپەرەسلىك، تەكەببۇرلۇق، باشقىلار مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بايلىق توپلاش، كەڭ مېھنەتكەش ئامىنىڭ ھەقىقىي ھوقۇقىنى ئاياغ ئاستى قىلىش، تۇل-بىچارىلەرنىڭ ئىززەت نەپسىگە تېگىش، تىل-ھاقارەت ۋە تەمەخورلۇققا ئوخشاش ھۆكۈمران سىنىپلارغا خاس بولغان پەس ئادەتلەر ئەۋجىگەچققانىدى.» (27) ھەر كۈنى دېگۈدەك فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە تەڭسىزلىكنى پەيدا قىلىپ تۇرىدىغان مانا مۇشۇ رېئال مەسىلىلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپتا مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانسىدىلا ئىسلامىيەت ئارقىلىق خاتىمە بېرىلگەن «جاھىلىيەت دەۋرى» دىكى يامان ئىللەتلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان نىجىس بىخلىرى ھېسابلىنىپ، بۇلارغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارالدى. شۇڭلاشقا ئۇ، دۆلەت ئاپپاراتسىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولغان خانلىقنى ئىسلامنىڭ ئىپتىدائىي ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «شەرىئەت» نى يېڭىلاش يولىدا قانۇن ھادىسلىرىنىڭ بەزى تەرەپلىرىگە پىكىر يۈرگۈزدى. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» تە «شەرىئەت» نىڭ بىردىنبىر توغرا يول بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يول تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردە يامان ئىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ «شەرىئەت» نىڭ بۇلغانغانلىقىنى، ئۇنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ ئۇ، پادىشاھلارغا ئادىل قانۇن تۈزۈش، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە نەپسىنىڭ كەينىگە
كىرمەي، دىلنى پاك تۇتۇش، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى بۇزماسلىق، ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئادىل پرىنسىپلىرى بويىچە ئىش كۆرۈش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش ھەققىدە قاتتىق نەسىھەت قىلىدۇ؛ تۆت چاھار يالارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى ھەم پەيغەمبەرنىڭ قانۇنىنى چۈشەندۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، جاھالەتنى ئەلدىن كۆتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق (تۆت تادۇ) بولمىسا، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، تۆت چاھاريالارنىڭ سۈپەت ئەمەللىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسل خىسلەت ۋە ئەخلاقلىرىنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خىسلەت ۋە ئەخلاقىغا ئايلانغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ماياتلىقىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قەيتلىرىدە يەنە بىر تەرەپتىن تۆت تادۇدىن تەركىبلەنگەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىچكى باغلىنىشلىق ئۆزگىرىشىنى سۈرەتلەپ بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تۆت تادۇ ئارقىلىق تۆت چاھاريالارنى سىمۋوللاشتۇرۇپ، ئۇلار ياشىغان ئەينى زاماندىكى خەلىپىلىك تالىشىش كۈرىشىنى ئوبرازلاشتۇرىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئەل تۇتۇش — ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە «شەرىئەت» تەۋاجىپ دەپ كۆرسىتىلگەن ئىشلار قاتارىدا، غازات — ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن پەرھىزلەرنى ئادا قىلىش مەنىسىدە، جىنايى ئىشلار — ئاللانىڭ ئاخىرەت جازاسى ھەققىدىكى ۋەھىلىرى بويىچە، نىكاھ ۋە ئائىلە ئىشلىرى — ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق قائىدە ئۆلچەملىرى بىلەن، ئالىملار بىلەن مۇئامىلە قىلىش — شەرىئەت ئۆلىمالىرىغا ھۈرمەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بىلىملىك بولۇش — خۇدا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن
ۋەھى بىلەن دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىلىپ ئەمەل قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدۇ، دېگەن كۆز قاراشتا تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغاندۇر.
ئىككىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە غەرب قانۇنشۇناسلىرىنىڭ قانۇن ئىدىيىلىرىدىن پەرقى
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىسىدە قاراخانىلار سۇلالىسىدىن سەل- پەل بۇرۇنراق ئۆتكەن ئېلىمىزدىكى فېئوداللىق سۇلالە — تاڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدى - كەينىدىكى سۇلالىلەرنىڭ قانۇن شەرھلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىك بولغان بىر ئىدىيە روشەن ھالدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ بولسەمۇ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن جاراڭلىق خىتابتۇر. تاڭ سۇلالىسى قانۇنىدا، دۆلەت پادىشاھلىرىنىڭ تۇغقانلىرى، ئاقسۆگەكلەر، ئەمەلدا رلار، تۆرىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، «ئون جىيايەت» نىڭ دائىرىسىگە كىرمىسلا ئۇلارغا ۋەزىپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكى بويىچە «ئېتىبار بېرىش» «مۇراجىئەت قىلىش»، «كېمەيتىش»، «ساقىت قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق كەڭچىلىك ئىلتىپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئادەتتىكى ئەمەلدارلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا «ئەمىلىگە سۇندۇرۇش»، «پۇل تۆلەپ ساقىت قىلىش» نى جازانىڭ ئورنىغا قويغان، ئۇ قانۇن ئېگىز-پەس، خوجايىن-قۇل، ئەزىز-خار، ئەر-ئايال دەيدىغان دەرىجە مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشكارا قوغدىغان. «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىدىيىلەردە بۇنىڭغا ئوخشىغان دەرىجە پەرقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە دەرىجىچىلىككە ۋە تۆرىچىلىككە قارشى قويۇلغان «ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر» بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدىكى ئىلغار بىر ئىدىيە يالتىراپ تۇرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە قۇل بىلەن بەگنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولالماي قېلىشغا مۇتلەق بول قويۇلمىغىنىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ھەربىي ئىدىيىسىدە يەنە، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئارمىيىدىكى ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىختىيارلىقىنى ئاساس قىلىپ ھەربىي سەپكە چاقىرماي، پۇقرالارنى قاقشىتىپ مەجبۇرىي تۇتۇپ كېلىشكە ياكى پۇلغا سېتىۋېلىپ ھەربىي قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە ئوخشاشى ئادالەتسىز بولغان يوللار ئارقىلىق ھەربىي قوشۇننى تەشكىللىشكە چەك قويۇلغان.
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىلارنىڭ ئارمىيىسى مۇنداق تۆتكە بۆلۈنەتتى: بىرىنچى، ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى؛ ئىككىنچى، خاس ئارمىيە؛ ئۈچىنچى، خاندان ئەزالىرى بىلەن ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى؛ تۆتىنچى، دۆلەتكە تەۋە چىگىل، قارلۇق، ئۇغراق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەشكىلاتلىرىغا مەنىۋىپ ئەسكەرلەر. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى خىلدىكى ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ئىچىدە ھۆكۈمدار ۋە مۆتىۋەرلەرگە تەۋە «غۇلام» لارنىڭ سېتىۋېلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى ھەم مۇھاپىزەتچىسى سۈپىتىدىلا ئىشقا مىللىنىدىغانلىقى ئېنىق (28). لېكىن دائىملىق ئارمىيە تۈدى بولغان خاس ئارمىيە ۋە باشقىلاردا بولسا، ئەسكەرلەرنى قۇللارنى سېتىۋېلىش يولى بىلەن ياكى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش يولى بىلەن تولۇقلىغانلىققا ئائىت مەلۇماتلار يوق. تارىخىي قەيتلەرگە قارىغاندا، تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرقۇن كېتىردىكى دۆلەتلەر قۇرغان دۆلەتلىرى ھەربىي تەشكىلات خاراپتۇرنىڭ ئەسكىرىي ئىدى. ھەربىي ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ قويۇۋاتقان چاغدا ئىشلار توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا
« قاراخانىلارنىڭ مۇنتىزىم ھەربىي توشۇنى بولۇپ، قوماندان سۇ باشى، ئەسكەر سۇ دەپ ئاتىلاتتى. قاراخانىلار ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنىنى يولغا قويغان، ئۇلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلاردىكى خەلقتىن قانۇن بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلاتتى. » (29) بۇ خىل چاقىرىققا بىنائەن ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمى قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن زامانداش بولغان سۇڭ سۇلالىسىنىڭ « ئەسكەرلىككە مەجبۇرىي تۇتۇش تۈزۈمى » دىن ئۆزگىچە ئىدى.
تارىخىي قەيىتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ شيا، شياڭ، جۇ سۇلالىلىرى (قىسقارتىلىپ ئۈچ دەۋر دېيىلىدۇ) دەۋرىدە « پۇقرا-ئەسكەر تۈزۈمى » يولغا قويۇلغان، بۇ تۈزۈمدە چېرىكلەر بىلەن تېرىقچى دېھقانلارنىڭ پەرقى يوق ئىدى. تىنچلىق چاغلاردا چېرىكلەر دېھقانچىلىق قىلاتتى، ئۇرۇش ۋاقتىدا جەڭگە باراتتى، جەڭ ئاياغلاشسا يەر تېرىيتتى. بۇنداق تۈزۈم 2000 يىل داۋام قىلغان. چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە شياڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى بىلەن دۆلەتتە « چاقىرىققا بىنائەن ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمى » يولغا قويۇلغان. ۋېي، شۇ، ۋۇ، شەرقىي جىن ۋە غەربىي جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۇرۇشنىڭ ئاۋۇپ، چېرىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن دۆلەتتە « ئەسكەرلىكنىڭ مىراس قېلىش تۈزۈمى » يولغا قويۇلغان. بۇنىڭدا ئەسكەر بولغان ئادەم ئۆمۈر بويى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيتتى، ئۆلسە بالىسى، بالىسى ئۆلسە بالىسى ئىزىغا سەپلىنەتتى، شۇنداق قىلىپ ئەسكەر بولۇش ئۆمۈرۋايەت ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالاتتى. سۈي، تاڭ دەۋرىدە « ئوردا چېرىك تۈزۈمى » سۇڭ دەۋرىدە « ئەسكەرلىككە مەجبۇرىي تۇتۇش تۈزۈمى »، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە « ئەسكەرلىكنىڭ مىراس قېلىش تۈزۈمى » يولغا قويۇلغان. شىمالىي سۇلالىلەر.
دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلق ئارىسىغا تارقالغان «مۇلەن داستانى» دېگەن ناخشا ئەنە ئاشۇ «ئەسكەرلىكنىڭ مىراس قېلىش تۈزۈمى» ئۈستىدىن ئوقۇلغان شىكايەتنامىدۇر. ئۇنىڭدا مۇلەن ئاتلىق بىر قىزنىڭ ئەسكەرلىك مىراس قالغان بىر ھەربىي ئائىلىنىڭ قىزى بولۇپ، دادىسنىڭ قېرىپ ئۆلەي دەپ قالغان ئەمۋال ئاستىدىمۇ چېرىك تىزىملاش دەپتىرىدىن ئىسمىنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەرەنچە ياسىنىپ دادىسنىڭ ئورنىغا ئەسكەرلىككە بارغانلىقى ۋە ھاياتىنى چېرىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان تارىخىي ھېكايىلەر بىزگە بىنچارە كەمبەغەل بېقىمسىز كىشىلەرنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرمەكتە.
يۈسمۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللارنى ياقلايدىغان بىرەر تەرەپنىڭ بارلىقىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بەلكى قاراخانىلار خاندانلىقىدىكى بەزى ھۆكۈمرانلار دەۋرىدە بەزى رايونلاردا يۈرگۈزۈلگەن ۋە يۈرگۈزۈلۈشكە تەمشىلىۋاتقان ئارمىيىنى پۇلغا قۇل سېتىۋېلىش يولى بىلەن تولۇقلاشقا ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللارغا قارشى قويۇلغان «ئالتۇن، كۈمۈش خەجلەپ قۇل سېتىۋالما، سېخىي بولۇپ خەزىنەڭدىكى مالنى تارات، ئەرلەر شۇ چاغدا ئۆز رازىلىقى بىلەن قېشىڭغا توپلانغاي ۋە ساڭا ساداقەت بولۇپ ياۋغا قىلىچ، پالتا ئۇرۇپ جەڭلەردە بولغاي.»(30) دېگەن مەردلىك، سېخىيلىك ۋە ئادىللىقنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان بىر خەلقچىللىق ئىدىيە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
تارىختا ئۆتكەن ئاتاقلىق پەيلاسوپلاردىن ئارىستوتېل (مىلادىدىن ئاۋۋالقى 322 — 384-يىللار) بىلەن فارابى (مىلادى 870 — 950-يىللار) لار دۆلەت ۋە جەمئىيەت
توغرىسىدا نۇرغۇن ئاقىلانە كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنى ئۆزى ياشاۋاتقان مەۋجۇت جەمئىيەتنىڭ رېئال ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرەلمىگەن. شۇڭا ئۇلار ئارزۇ قىلىشقان «غايىۋى دۆلەت» توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، بىر غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ساماۋى ئوبرازىنى سىخېمىلاشتۇرۇپ چىققان. XIII ئەسىر ئويغىنىش دەۋرىدىكى فرانسىيىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتچىسى روسو «ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى ھەققىدە» (1755-يىل)، «ئىجتىمائىي پۈتۈم ھەققىدە» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرىدە كۆپ قېتىم قانۇننى شەرھلەپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە خېلى ئىزدەنگەن، ھوقۇق بىلەن قانۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى چوقۇم توغرا بىر ياقلىق قىلىش لازىملىقىنى، خەلق چوقۇم قانۇننىڭ ئىجادچىسى بولۇش كېرەكلىكىنى، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر بولۇش لازىملىقىنى، قانۇن ئىمتىيازنىڭ مەلۇم شەخسىگە باقىمەندە بولۇپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىنى، قانۇننى بۇيرۇقۋازلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خەلقنىڭ قانۇننى يېڭىلاش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما ئاخىرىدا قانۇن تۈزگۈچى كىشى چوقۇم باشقا دۆلەتتىن تەكلىپ قىلىپ ئەپكېلىنگەن «دانىشمەن كىشى» بولۇشى كېرەك، دېگەننى تەرغىب قىلغان. دۇنيادا تۇنجى بولۇپ خىيالىي سوتسىيالىزمغا ئاساس سالغان ئەنگلىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى توماس مور ئۆزىنىڭ 1516 - يىلى يازغان «ئوتوپىيە» دېگەن كىتابىدا، ئوتوپىيە ئارىلىدا، ئەمەلدارلىرى سايلام بىلەن بارلىققا كەلگەن، جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپى ياخشى بولغان، ئۇرۇش، زوراۋانلىق تۈگىگەن، ئوغرى، قاراقچىلار يوقالغان، پۇقرالىرى كېچىسى ئىشىك تاقىماي
ئۇخلايدىغان، ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ھەركىم ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىدىغان بىر كەلگۈسى غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىققان. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بۇ كۆز قاراش ۋە غايىلىرى ئىشقا ئاشمىغان. ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولسا، بىرىنچىدىن، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئارىستوتېل ۋە فارابىلاردەك ئارزۇ قىلىشقان «غايىۋى دۆلەت» لىرى ھەققىدە شېرىن چۈش كۆرمىگەن؛ ئىككىنچىدىن، روسو ۋە توماس مورلاردەك باشقا ئەلدىن «دانىشمەن كىشى» تەكلىپ قىلىپ كېلىپ، ئادىل قانۇن ترۇدۇرۇپ چىقىشنى شۇنداقلا ئىشقا ئاشمايدىغان «ئوتوپىيە» لىك خام خىيال دۆلىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمىغان، ئەكسىچە، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ «نۇشىرۋان ئادىل» ى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە بىۋاسىتە قاتناشقان، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى ئىنچىكە كۆزەتكەن، بۇزۇلۇشقا باشلاۋاتقان مەۋجۇت دۆلەت تۈزۈمىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك دېتال ئېلىپ ئۇنى ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان قانۇنشۇناسلىق ئىلمىگە خام ماتېرىيال قىلغان، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى بارلىق بۇلغىنىشلارنىڭ ھەممە مەنبەلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى تىزگىنلەش، ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش شۇنىڭدەك قانۇن بىلەن قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان.
ئۈچىنچى، «قۇتادغۇبىلىك» — موڭغۇللارنىڭ «چىڭگىزخان ياسىقى» بىلەن يەكەن — سەئىدىيە خانلىقى قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا چوڭ رول ئوينىغان بۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنچىلىق تارىخىدا تۇنجى بولۇپ قانۇن ھەققىدىكى نەزەرىيىنى كۆپ تەرەپلىمە شەرھلەپ، بىر يۈرۈش سىستېمىلىق بولغان قانۇن ئارقىلىق تۈزەش تەلىماتىنى ياراتتى، ئۇنىڭ بۇ تەلىماتى ئەينى چاغدا
قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە كېيىنچە موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى، شۇنىڭدەك يەكەن — سەئىدىيە خانلىقى قانۇنچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئاساس سالدى. «قۇتادغۇبىلىك» — قاراخانىلار دەۋرى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ، ئۇزۇنغىچە ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن. چىڭگىزخانىمۇ «قۇتادغۇبىلىك» كە تەقلىدەن «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» نى يازدۇرغانىدى (31). مىلادى XII ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى چىڭگىزخاننىڭ رەھبەرلىكىدە ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى. مانا مۇشۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يازما قانۇنلىرى تەدرىجىي بارلىققا كەلدى. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، چىڭگىزخان دەۋرىدە قانۇن، پەرمانلار «يازاق» (kazay)، «ياسا» (assay) ۋە «يازا» (azay) دەپ ئاتالغان بولۇپ، بەزى ھاللاردا «تۆرۈ» (Terü) دەپمۇ ئاتىلاتتى. لېكىن بۇ چاغدىكى قانۇن رەسمىي سىستېمىلىق قانۇن كودىكىستكە ئايلانمىغان بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ ئادەت قانۇنى بولغان «يازاق» ۋە «تۆرۈ» لەر ئوگدايخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي رەتلىنىشكە باشلىدى، كېيىنچە تارىخىي كىتابلاردا «موڭغۇل ياسىقى» دەپ ئاتالدى. «موڭغۇل ياسىقى»، «تارىخىي مەنبەلەردە «بىلىك ياساق» ۋە «چىڭگىزخان ياسىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، موڭغۇللار «ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي يېزىقى ئورنىدا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن يازما قانۇنلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان» ئىدى(32). «يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەخپىي تارىخى»دا قەيت قىلىنىشىچە، چىڭگىزخان شىجىر خۇتۇجۇنى زاروغاچ (سوتچى مەنسىدە)لىققا تەيىنلەپ
« ئوغرى، بۇلاڭچى، ئالدامچى، ساختىپەزلەرگە جازا ھۆكۈم قىلىشقا ۋە پۇقرالارنىڭ ئائىلە، مال-مۈلۈكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئەرز-دەۋالىرىنى بىر ياقلىق قىلىش» قا قويغان ھەمدە « ھۆكۈم قىلىنغانلىكى ئىشلار قالدۇرۇلماي خاتىرىگە ئېلىنسۇن، كېيىنكىلەردىن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىسۇن» دەپ بارلىق چۈشۈرگەن (33). « يۈەن سۇلالىسى تارىخى، گۇباۋيۇنىڭ تەرجىمىھالى» دە، چىڭگىزخاننىڭ « بەش ماددىلىق قانۇن ئېلان قىلغان» لىقى ھەققىدە خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان (34).
لىن يۈنچىڭ ئەپەندىنىڭ 1936-يىلى 8-ئايدا « 禹ز» (يۆگۈڭ) نىڭ 5-جىلد، 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان « موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشنىڭ سەۋەبلىرى» دېگەن ئەسىرىدە، موڭغۇللارنىڭ ئەسلىدە يېزىقى يوق بولۇپ، ياغاچقا بەلگە سېلىش ئارقىلىق خاتىرە تۇتىدىغانلىقى، مىلادى 1204-يىلى چىڭگىزخاننىڭ نايمانلارغا قىلغان جازا يۈرۈشىدە ئۇيغۇر زىيالىيى تاتاتۇڭا قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن يېزىق ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئۇ ئەسىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشنى « يۈەن سۇلالىسى تارىخى، تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى» دىن باشلايدۇ. تاتاتۇڭا ئەسلىدە نايمان تۆرىسى تايانخاننىڭ تامغا تۇتقۇچى ئەمەلدارى بولۇپ، چىڭگىزخان نايمانلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، ئۇ، چىڭگىزخان تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن. كېيىن موڭغۇللارغا ھاكىمىيەتچىلىك ئىلمى (يەنى مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى) ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەتكەن.
« يۈەن سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 124-جىلد — « تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى» دا مۇنداق دېيىلگەن: « تاتاتۇڭا ئۇيغۇر بولۇپ، زېرەك، سۆزمەن ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزىقىغا ناھايىتى پۇختا ئادەم ئىدى. نايمان تۆرىسى تايانخان ئۇنى
ئۇستاز تۇتقان ھەم ئالتۇن تامغىسىنى، پۇل ۋە ئاشلىق باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. تەيزۇ (چىڭگىزخان) نايمانغا قوشۇن تارتىپ، ئۇنىڭ دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغان چاغدا، تاتاتۇڭا ئۆزى ساقلاۋاتقان تامغىنى ئېلىپ قاچقان، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي قولغا چۈشكەن. خان ئالىيلىرى ئۇنىڭدىن: تايانخاننىڭ پۇقرالىرى ۋە زېمىنى پۈتۈنلەي ماڭا قارام بولدى. تامغىنى ئەپقېچىپ نېمە قىلماقچىدىڭ؟ دەپ سورىغان. ئۇ، مېنىڭ ۋەزىپەم تامغىنى ساقلاش، ئۇنى ئۆلگۈچە ساقلايمەن، خوجايىنىمنى تېپىپ ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرىمەن. بۇنىڭدىن ئۆزگە غەرىزىم يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭدىن خان ئالىيلىرىنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، دىيانەتلىك، ۋاپادار ئادەم ئىكەنسەن، دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن، تامغا نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟ دەپ سورىغان. تاتاتۇڭا: پۇل ۋە ئاشلىقلارنى چىقىم قىلىش، ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق ھەممە ئىشلاردا پەرماننىڭ ئىناۋەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تامغا بېسىلىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ، خان ئالىيلىرىنىڭ دىتىغا يېقىپ قالغانلىقتىن ئالىيلىرى ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېيقالغان. شۇنىڭدىن كېيىن پەرمان ۋە يارلىقلارغا تامغا بېسىلىدىغان بولغان. خان ئالىيلىرى، تامغىنى يەنە شۇ تاتاتۇڭانىڭ ئۆزىگە تۇتقۇزغان. خان ئۇنىڭدىن يەنە، دۆلىتىڭلارنىڭ خېتىنى ئوبدان بىلەمسەن؟ دەپ سورىغان. تاتاتۇڭا ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن خان تەرىپىدىن ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرۈلۈپ، شاھزادە-بەگزادىلەرگە دۆلەت تىلى (موڭغۇل تىلى) نى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىشنى ئۆگىتىپ چىقىش بۇيرۇق قىلىنغان «(35). يەنە بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، « يۈەن سۇلالىسى مەخپىي تارىخى» دا قەيت قىلىنغان چىڭگىزخاننىڭ ئەدلىيە ئەمەلدارى شىجر خوتوخۇ چىڭگىزخاننىڭ كىچىك خوتۇنى بالا قىلىۋالغان تاتار بولۇپ، ئۇ، چىڭگىزخاننىڭ يارلىق
چۈشۈرۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن. چىڭگىزخاننىڭ مۆھۈردارى تاتاتۇڭا (بەزى ماتېرىياللاردا تاش ئاتۇن دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ) ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى مەخسۇس ئۆگەتكەن (36).
بۇ موڭغۇللارنىڭ تارىخىدا بولسۇن مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا بولسۇن، ئوخشاشلا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولۇپ، ئەينى چاغدا يالغۇز ئېلىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسى تارىخىنى پۈتكۈچىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغانىدى.
« موڭغۇل ياسىقى » نىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىدىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەخمىنەن مىلادى 1388 — 1450 — يىللىرىغىچە ياشىغان ئەرەب تارىخچىسى ئىبن ئەرەبشاھ: « چاغاتاي ئادەملىرىدە (قەدىمكى) ئۇيغۇر يېزىقى دېگەن بىر خىل يېزىق بار. بۇ يېزىق موڭغۇللارنىڭ يېزىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممىگە مەلۇم … بۇ يېزىق بىلەن خىزمەتكە بەلگىلەش پەرمانلىرى، بۇيرۇقلار، خەت-ئالاقىلەر، غەزەللەر، تارىخ، ھېكايە شۇنىڭدەك چىڭگىزخاننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى يېزىلىدۇ. كىمكى بۇ يېزىقنى بىلسە، ئۇ خار بولمايدۇ » دېگەنىدى (37).
نېمىس شەرقشۇناسى بروككلىمان (38)« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ ۋېنا نۇسخىسىغا 1942-يىلى يازغان سەككىز قىسىلىق چوڭ كىرىش سۆزىنىڭ 2-قىسمى — « يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ( قۇتادغۇبىلىك ) » تە: « تارىخچى ئىبنى ئەرەبشاھ چىڭگىزخان زامانىسىدا موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىغا ( قۇتادغۇبىلىك ) نامى بەرگەنلىكلىرىنى سۆزلىگىنىگە ئوخشاش، راشىدىننىڭ مەشھۇر ( جامىئوت تاۋارىخ ) ناملىق كىتابىدىمۇ ( چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى ) دىن مەلۇمات بەرگەنلىكىنى
بىلىمىز» دەيدۇ (39).
رۇس ئالىمى مېلئورانسكى، ھىندۇشاھ شەمسۇل كاتىپنىڭ «دەستۇرۇل كاتىپ فى تايىنىل مەراتىپ» ناملىق XIV ئەسىرگە ئائىت كىتابىدا، ئىلىخانىلار دۆلىتىدە ئادالەت ئىشلىرىغا ئاساس بولغان «يارغۇچى» دەپ ئاتىلىدىغان «خەلق ھاكىمىيەتلىرى» گە ئائىت تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتابقا «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن نامنىڭ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىنى موڭغۇللارغا مۇئەللىملىك ۋە كاتىپلىق قىلغان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ ئوقۇپ ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە «يازغۇچىلار» غا ئائىت تەلىماتنامىلەر توپلىمىغا بېرىلگەن «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن ئىسمنىڭ شۈبھىسىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن كىتابىدىن كۆچۈرۈپ قوللىنىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى (40). ئەپسۇسكى، «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن كىتاب دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن. پەقەت تۆۋەندە تولۇق تېكىتى بىلەن بەرمەكچى بولغان بىر «پارچە» لا ساقلىنىپ قالغان، پەرىزىمىزچە، «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېيىلگەن كىتاب كۆپىنچە ئالىملار تەرىپىدىن «موڭغۇل ياسقى» دەپ ئاتالغان «تۆرۈ» (قانۇن) لارنىڭ يىغىندىسى بولۇشى مۇمكىن.
«موڭغۇل ياسقى» ھەققىدە تارىخچىلار خىلمۇ خىل پەرەز ۋە ھۆكۈملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى. بەزىلەر ئۇنى موڭغۇللارنىڭ قانۇنى دېيىشكە بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئېتىقاد قائىدىلىرى دېيىش كېرەك، دېسە، 1840 - يىلى مەشھۇر ئەسەر «تارىخىي رەشىدى» - نى پارسىچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ئالىم ئرىسكىن (Erskine) ئۇيغۇرلارنىڭ «ئادەت قانۇنى» بولغان
«تۆرۈ» ( Terii )نى «چىڭىزخان قانۇنى» دەپ تەرجىمە قىلغان ھەمدە ئۇنى «قارىماققا بۇلار توپلاپ رەتلەنگەن موڭنۇل قەبىلىلىرىنىڭ تەييار چارىسى بولۇپ … كۆپسىنچىلىرى دەۋرىمىزگە رىۋايەت ھالىتىدە يېتىپ كەلگەن، ئەزەلدىن يېزىق ھالىتىدە بولغان ئەمەس» دەيدۇ. X VII ئەمسىردە شەرىپىدىن ئەلى يەزدىنىڭ «زەپەرنامە» (تۆمۈرنامە) سىنى پارسىچىدىن فرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلغان پەتس دېلاكرويكس (Patis dela ) (croixs ) موڭغۇل ياسىقى» نىڭ 22 ماددىسىنى خاتىرىگە ئالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ماددىلىرىنى خاتىرىلىۋالالىغانىكەن (41).
ماراكەشلىك مەشھۇر مۇسۇلمان ساياھەتچىسى ئىبنى بەنۇتە «موڭغۇل ياسىقى» ھەققىدە توختىلىپ: «چىڭگىزخاننىڭ قانۇن - نىزاملىرى پۈتۈلگەن رىسالىلەر توپلىمى ( ياساق ) دەپ ئاتىلاتتى» (42) دېسە، X III ئەمسىردە ياشىغان ئىران تارىخچىسى-ئەلائىددىن ئەتامۇلىك جۇۋەينى چىڭگىزخاننىڭ قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ: «تاتارلارنىڭ يېزىقى بولمىغانلىقتىن، ئۇ موڭغۇل بالىلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش، مۇناسىۋەتلىك ياساق، پەرمان، بۇيرۇقلارنى خاتىرىگە ئېلىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن، بۇ خاتىرىلەر ( ياساق ) دەپ ئاتىلىپ چوڭ خاننىڭ خەزىنىسىدە ساقلىناتتى، ھەربىر خان يېڭىدىن تەختكە چىققاندا، قوشۇنلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە ياكى خاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇلار بۇنى خەزىنىدىن ئاچىقىپ ئۇنىڭدا دېيىلگەن تەلىماتلار بويىچە ئىش قىلاتتى ھەمدە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن قىسملارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئايماق، ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرنى زەبىت قىلاتتى» دەيدۇ (43). جۇۋەينىنىڭ بۇ مەلۇماتى «جامىئوت ناۋارىخ» نىڭ ئاپتورى
راشىدىننىڭ «ئىلىخانىلار خەزىنىسىدە ساقلانغان بىلىم كىتابى بار» لىقى توغرىسىدىكى قەيتلەر شۇنداقلا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ «B. مۇقەددىمە» سىدە كۆرۈلگەن «مەشرىق پادىشاھى، ماچىنلارنىڭ بېگى، بىلىملىك، ئاقىل دۇنيا باخشىلىرىنىڭ ھەممىسى كىتابنى ئۆزىنىڭ قىلىپ، باشقىلارغا بەرمەي پۈتۈنلەي ئۆزلەشتۈردى ۋە خەزىنىلىرى ئىچىگە يوشۇردى. بۇ كىتاب ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە مىراس قالىدۇ، نادانلارغا بېرىلمەيدۇ. بۇ كىتاب پايدىلىقكى، زىيانلىق ئەمەس. بىراق كۆپچىلىك تۈركلەر ئۇنىڭ مەنىسىنى ئوقمايدۇ» (44) دېگەن قەيتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلسا، «موڭغۇل ياسىقى» نىڭ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن كىتابنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئۇلۇغ ئەسىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ئادالەت» نى ئۆلچەم قىلغان قانۇن ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىنىڭ موڭغۇل دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنچىلىق ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئوچۇقلىشىدۇ. (بۇ جەھەتتىن چىڭگىزخان ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان تاتاتۇڭانى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ).
ئەپسۇسكى، «قۇتادغۇبىلىك» نى تۈركىيە ئالىمى رېشت رەھمىتى ئاراتىدىن بەش يىل بۇرۇن ئوقۇپ تەتقىق قىلغۇچىلاردىن بولغان كارىل بروككىلمان ئەپەندى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى شۇنداقلا «قۇتادغۇبىلىك» تىكى دۆلەتنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەلىماتلىرىنىڭ موڭغۇللارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش پائالىيەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئىبنى ئەرەبشاھ، راشىدىن ۋە مېلئورانىكى قاتارلىق تارىخچى ۋە ئالىملار گەرچە، «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن كىتابنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن كىتابىدىن
كۆچۈرۈپ ئۆزلەشتۈرگەن دېگەن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما «بۇلارنىڭ ھەممىسىلا موڭغۇللارنىڭ (قۇتادغۇبىلىك) نامىنى يۈسۈپنىڭ كىتابىدىن كۆچۈرۈپ قوللانغانلىقىنىڭ دەلىللىرىنى تەشكىل ئەتمەيدۇ» دەيدۇ(45). بروككىلمان ئەپەندى بۇ ھۆكۈمدە شۇنداق بىر چوڭ خاتالىققا يول قويىدۇكى، ئۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئەسىرىنى «ئۇيغۇرچە بىر ئەسەر ئەمەس» دەپ تونۇيدۇ ھەمدە «(خاقانىيە) تىلى بىلەن يەنى قەشقەر تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان ئىسلامى بىر مەھسۇلات» نىڭ موڭغۇللارغا مۇئەللىملىك ۋە كاتىپلىق قىلغان بۇددىست ياكى خرىستىئان مۇرىتى بولۇشى مۇمكىن بولغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆگىنىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، «ئۇلارنىڭ بۇ ئىسلام ئەسىرىنى موڭغۇللار ئىچىدە تارقىتىشلىرىغا ئەسلا ئىمكان بولماس ئىدى» دەيدۇ(46). ئۇ مانا مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تارىخلىرىنى يەككە چۈشىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى قانۇنچىلىق ئەھۋالىنى چورتلا ئىككىگە بۆلۈپ تاشلايدۇ، بۇ ئىككى دەۋر قانۇنچىلىقنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى مۇجەسسەملىشىكە قارىتا پۈتۈنلەي نىگىلىزملىق يول تۇتىدۇ. بىزچە، ئۇ، بىرىنچى قەدەمنى ۋە ئىككىنچى قەدەمنى ئوخشاشلا خاتا باسىدۇ. ئەگەر ئۇ، قاراخانىلار دەۋرىدىكى «خاقانىيە» تىلى دېيىلىۋاتقان «قۇتادغۇبىلىك» تىلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر تىل بولۇپ، «خاقانىيە» تىلىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ XI ئەسىردىكى راۋاجى ئىكەنلىكىنى، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بۇددىست ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «ئالتۇن يارۇق» تىكى «ئېلگلەر قانلارنىڭ كونى تۆرۈسىن ئايماق
ئاتلىغ يگرمنچ بۆلۈك» (پادىشاھلارنىڭ، خانلارنىڭ ھەقىقىي قانۇنلىرىنى ئىزاھلاش يىگىرمىنچى بۆلۈم) «راچاشاستارتگىمە بەگلەر تۆرۈسىن ئوقتىماق ئاتلىغ يىگىرمنچ بۆلۈك» (راچاشاستار دېگەن بەگلەرنىڭ قانۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈش يىگىرمىنچى بۆلۈم) دېگەنگە ئوخشاش(47) شەكىللەردىكى خاتىرىلەر بىلەن مۇسۇلمان ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن كىتابىدىكى مۇشۇ شەكىلدىكى نۇرغۇنلىغان قەيتلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى بىردەكلىكىنى بىزچىلىك بىلەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇ، ھەرگىز كۈلكىگە قالىدىغان بۇنداق ئەخمىقانە يەكۈننى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ «چوڭ ئالىم» لىق شان - شەرىپىگە داغ تەگكۈزۈۋالمىغان بولاتتى.
«قۇتادغۇبىلىك» نى ئەنە ئاشۇنداق «تەتقىق» قىلغان ۋە شۇنداقلا «قۇتادغۇبىلىكنىڭ يېزىلغان دەۋرىدىن ۋە قەشقەر دىيارى تەۋەلىرىدىن قالغان تارىخىي ۋە تىل يادىكارلىقلىرى ئەپسۇسلىنارلىق دەرىجىدە ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەسەرنىڭ قازانغان شۆھرىتى ۋە كۆرسەتكەن تەسىرى زۆرۈرىيىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز» دەپ خۇلاسىگە كەلگەن پروفېسسور بروككلمان يەنە، ئۆز نۆۋىتىدە «قۇتادغۇبىلىك بولسا، دۆلەتنىڭ بېشىدا تۇرغانلارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئۇسۇللىرى ۋە باج - سېلىقلارنى يىغىش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر كىتابتۇركى، بۇ ھەر كىمگە بىلدۈرمەي يالغۇز ئىش باشقۇرغۇچىلارغىلا خاس ئىدى» دەيدۇ(48). ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى «ئىسلام جامائەت قانۇنى تەلىماتى» دىن زادىلا خەۋىرى بولمىسا كېرەك. شۇڭا ئۇ تېخىمۇ تۇيۇق يول تۇتۇپ، «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن كىتاب تىلغا ئېلىنغان پارسىچە «پارچە» نىڭ
مەنىلىرىگىمۇ خاتا تەبىر بېرىدۇ. ئەسلى كېيىمىزگە كەلسەك، پروفېسسور مېلئورانسكى موڭغۇللارنىڭ «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلكى» دېگەن كىتابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلك» دېگەن كىتابىدىن كۆچۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن دېگەن پىكرىنى ئىسپاتلاشتا، يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان ھىندۇ شاھ شەمسۇل كاتىپنىڭ «دەستۇرۇل كاتىپ فى تايىنىل مەراتىپ» دېگەن كىتابىدىن مۇنداق بىر «پارچە» نى ئىستاتا كەلتۈرىدۇ. بۇ «پارچە» نىڭ تېكىستى مۇنداق:
«ئىككىنچى قىسمى، بىرىنچى باب، بىرىنچى پارچە، تۆتىنچى بۆلەك؛ ئۇلۇغ پايتەخت شەھىرىدە ۋەزىرلەر قانۇنى توغرىسىدادۇر.»
«… بىرىنچى خىلى: قەبىلە ئاقساقاللىرى، بۈيۈك ئوردا ۋەزىرلىرى، نائىپلار ۋە ۋىلايەت ھاكىملىرى بىلىش كېرەككى، دىن ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ نىزامى، شەرىئەت ھەم مەملىكەت كېڭەشلىرىنىڭ ئۇيغۇنلۇقى، ئىككى بۈيۈك ۋە خەتەرلىك ئىشنىڭ قىلىنىشىغا باغلىقتۇر، بۇ ئىككى ئىش بىر - بىرىدىن ئايرىلىش زامانىنىڭ زۆرۈرىيىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.
بۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىرىنچىسى، شەرىئەت ئەمىر - مەرۇپلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلامىيەت ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزۈشتۇر (تەڭرى ئۇنى قىيامەت كۈنگىچە ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە داۋاملاشتۇرسۇن!).
«ئىككىنچىسى، ئادالەت يولىغا تايىنىش ۋە ئىنساپ ئىگىلىرىنىڭ ھاياسىغا (ئۆزىنى تۇتۇشىغا) قايتىشقا ماسلىشتۇر …» «ئەگەر بۇ ئىككى ئىشتىن بىرى شەرمەندىلىك بىلەن تاشلىۋېتىلسە ئۆزلۈكىدىنلا سەلتەنەت ھۆكۈملىرى بۈزۈلىدۇ ۋە مەملىكەت ۋەزىيىتى تۇراقسىزلىنىدۇ.»
«ئادالەت ئاساسلىرىنى تۇرغۇزۇش، چىڭگىزخان دۆلىتىنىڭ ۋە موڭغۇل سۇلتانلىرىنىڭ ئىجادلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار بۇنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ھۆكۈملىرى توغرىسىدىكى قائىدىلىرىگە ئاساسەن مۇقىملاشتۇرغان ھالدا ئۇلارغا ماسلىشىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر شەرىئەت (ئەمەل قىلىدىغان يول) ھېسابلىغان ۋە ئادالەت ھەم ئىنسابقا ماسلىشىشتا ناھايىتى تىرىشچانلىقلار كۆرسەتكەنلىكلىرىدىن، بۇ كىرىش سۆزگە ئاساسەن، يارىتىلىشتا ئادالەت تۇرغۇزۇش ۋە ئىنساپ قىلىش تۇيغۇلىرى پەيدا قىلغان قۇدرەت ۋە كۈچ ئىگىلىرى، موڭغۇل ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئوردا سەردارلىرىنىڭ ماسلاشماقتىن ئۆزگە يول تاپالمىغانلىقلىرىدىن ئادالەت ئۆرنەكلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشنى زۆرۈر ھېسابلىغان.
بايان (تسۇر) جانابلىرى، يېتەرلىك ۋە ئىقتىدارلىق موڭغۇل سۇلتان ۋە ئالىيجانابلىرىنىڭ قائىدە-مىزانلارنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلارنى بىلىشى جەھەتلەردە ھەممە ئالىيجانابلاردىن ئەڭ ئىلگىرى كەلگەنلىكىدىن ۋەزىرلەر قانۇنىي يولى ۋە موڭغۇللارنىڭ يارىتىلىشلىرىدىن پەيدا بولغان ئۆرنەكلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىنىش ئىشلىرى ئۆزلىرىگە بېرىلگەنىدى. ئەنە شۇنداق بولغاچقا، چىڭگىزخان ( قۇتادغۇبىلىكى ) دەل كۆرۈپ ئوقۇغانلىقىمىز ۋە بۈيۈك ھاكىملار (49) دىن كۆرگەنلىكىمىزدەك، موڭغۇللارنىڭ ئىشلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەن ھەپىلەشكەن ۋە ئادالەت ھەم ئىنساپ يوللىرىدىن ئىنچىكىلىنىپ ئايرىلماي ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى جاساق (50) ھۆكۈمىگە ئاساسەن كەسىپ ئاتاشقان ئىككى تەرەپتىن بىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى چۈشىنىلسە — كېرەكلىك يەرگە ئەۋەتىلىشكە — ئۆزىنىڭ قۇلىغا ئىلام (51) بېرىدۇ. ئەگەر مەھكۇم بولغۇچى
ئىككىنچى قېتىم دەۋاغا قالدۇرۇلغان بولسا، قانۇن ھۆكۈمى بويىچە جاۋاب بېرىلىپ دەۋاسى ھۆكۈمسىز قالىدۇ. ئەمدى مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۆزىگە پايتەخت قانۇنى ۋەزىرلىكى مەجبۇرىيىتى بېرىلىپ ھەر ئىشتا ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزىدىن چىقمايدۇ. چىڭگىزخاننىڭ قانۇنىغا قارىغاندا ئۇنىڭ چىقارغان پەرمانلىرىنى موڭغۇل ئاقساقاللىرى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشمەيدۇ. ئادالەت مەھكىمىسىگە كەلگەن دەۋاگەرلەر، قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئۇنىڭ نۆكەرلىرىگە ۋە قانۇن كاتىپىغا جاۋاب بېرىشىدۇكى، بۇلارغا قاراپ ئۆز ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشىدۇ.
… پۈتۈن موڭغۇل ئوردىسى بايان تېمور باخشىنى ئۇلۇغ ئوردىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى دەپ تونۇيدۇ. دەۋالارنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغان موڭغۇللار ئۇنى <قۇتادغۇبىلىك> قانۇنىغا ئاساسەن بەرگەچكە، توغرا سۆز ۋە ھۆكۈمدىن سىرتقا چىقارمايدۇ. ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئىشتىراك قىلىشقا باشقىسىنىڭ ھەققى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئېلىشمايدۇ.
ئالتىنچى خىلى: شەيخ ئەلى ئەزەلدىنلا موڭغۇل ئاقساقاللىرى بىلەن ۋە قانۇنچىلىرى بىلەن سۆھبەت قىلغان ھەم خىزمەتلىرىدە بولغانىدى؛ قانۇنچىلىق قائىدىلىرىنى ياخشى بىلەتتى. چىڭگىزخان <قۇتادغۇبىلىكى> ۋە خاقاننىڭ ھۆكۈملىرىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگەنگەنىدى.>(52) يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلار ئۈچۈن شۇنچە نۇرغۇن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يىپ ئۇچلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ «پارچە» نى ئۆز تەتقىقاتىدا مېلئورانسكىدىن ئۆز ئەينى بويىچە كۆچۈرۈپ ئىستاتا كەلتۈرگەن بروككلمان مۇشۇ «پارچە» نىڭ ئاران كەڭ كەلگۈدەك ئۈچ قۇر گەپ بىلەن
يەنى «بۇ مەتىندىن (چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى) دېيىلگەن بىر ئەسەرنىڭ بارلىقى ئېنىق، بۇنىڭدا (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن نامنىڭ پەقەت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىگىلا خاس ئەمەسلىكى كۆرمىستىلگەندۇر» دېگەن بىلەن خۇلاسىلە يدۇ.
بىزچە بۇ «پارچە» — يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەلنى ئادالەتلەك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش «مەسىلىسىنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىغا يېتىپ بارغانلىقىنى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئېيتىلغان «چارۋىچەلارنىڭمۇ قانۇنلارنى ئۆگىنىۋالايدىغان» لىقى توغرىسىدىكى تەلىماتلاردىن ھەم موڭغۇل تىلىنى پىششىق بىلىدىغان، ھەم «قۇتادغۇبىلىك» تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق مەنپەئەتلەنگەنلىكىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
«پارچە» دە، «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن ئەسەرنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ئىشلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش» نى مەزمۇن، «ئادالەت ئاساسلىرىنى تۇرغۇزۇش» نى مەقسەت قىلغان بىر ئەسەر بولۇپ، موڭغۇل دۆلەتلىرىدىكى «ۋەزىرلەر قانۇنى يولى ۋە موڭغۇللارنىڭ يارىتىلىشلىرىدىن پەيدا بولغان ئۆرنەكلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىنىش ئىشلىرى» نىڭ «موڭغۇل سۇلتان ۋە ئالىيجانابلىرىنىڭ قائىدە - نىزاملارنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلارنى بىلىش جەھەتلەردە ھەممە ئالىيجانابلاردىن ئىلگىرى كەلگەن» بايان تېمۇر دېگەن ئۇيغۇرغا «بېرىلگەن» لىكى، «پۈتۈن موڭغۇل ئوردىسى بايان تىمۇر باخشىنى ئۇلۇغ ئوردىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى دەپ تونۇيدۇ» غانلىقى قەيت قىلىنغان. يۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ يەردە ئېيتىلغان «ۋەزىرلەر قانۇنى يولى» بىلەن «موڭغۇللارنىڭ يارىتىلىشلىرىدىن پەيدا بولغان ئۆرنەكلەر» باشقا-
باشقا ئىككى نەرسە بولۇپ، ئالدىنقىسنىڭ ۋاقتى كېيىنكىسىدىن بۇرۇن ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر. «ۋەزىرلەر قانۇنى يولى» دېگەن يول بولسا، شەك - شۈبھىسىزكى، چىڭگىزخان دۆلىتىدىن بۇرۇن پەيدا بولغان قاراخانىلار خاندانلىقى قانۇنشۇناسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى» بايان قىلىنغان «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن كىتابىدىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ۋەزىر بولىدىغان كىشىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدا» ھۆكۈمرانلارغا بەلگىلەپ بېرىلگەن قانۇنىي يولىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى، موڭغۇل دۆلەتلىرىدە چىڭگىزخاننىڭ يىگىرمە ئۈچ يىللىق ھاياتىدىن خاتىرىلەنگەن «جاساق» لارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۈزۈپ چىقىشىدىن بۇرۇن «ۋەزىرلەر قانۇنى يولى» دېيىلىدىغان يولنىڭ بولمىغانلىقى، «چىڭگىزخان جاسىقى» دېيىلىۋاتقان «موڭغۇللارنىڭ يارىتىلىشلىرىدىن پەيدا بولغان ئۆرنەكلەر» نىڭ «ۋەزىرلەر قانۇنى يولى» دىن خېلى زامانلار كېيىن پەيدا بولغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ ئىش بولۇپ، بايان تۆمۈر باخشىسىغا «پايتەخت قانۇن ۋەزىرلىكى» يەنى «ئۇلۇغ ئوردىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى» لىق مەنسىپىنىڭ بېرىلگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دە نىزاملاشتۇرۇلغان «ۋەزىرلەر قانۇنى يولى» نى ناھايىتى پۇختا بىلىدىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
يۇقىرىدىكى بۇ «پارچە» دە يەنە موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «ئادالەت ئاساسلىرىنى … ھۆكۈملىرى توغرىسىدىكى قائىدىلىرىگە ئاساسەن مۇقىملاشتۇرغان» لىقى، «ئۇلارغا ماسلىشىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر شەرىئەت (ئەمەل قىلىدىغان يول) ھېسابلىغان» لىقى ھەم شۇنداقلا «ماسلاشماقتىن ئۆزگە يول تاپالمىغانلىقلىرىدىن ئادالەت ئۆرنەكلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشنى زۆرۈر ھېسابلىغان» لىقى، پۈتكۈل موڭغۇل ئوردىسىنىڭ
قانۇن ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن بايان تۆمۈرنىڭ «ئادالەت مەھكىمىسى» دە دەۋا سورىغانلىقى، دەۋالارنىڭ ئىككى خىل يول بىلەن يەنى بىرى «شەرىئەت» يولى بىلەن، يەنە بىرى «ئادالەت» يولى بىلەن سورىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ «ئىككى بۈيۈك ۋە خەتەرلىك ئىش» ئىكەنلىكى، «بۇ ئىككى ئىش بىر - بىرىدىن ئايرىلىش زامانىنىڭ زۆرۈرىيىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» لىكى، «ئەگەر بۇ ئىككى ئىشتىن بىرى شەرمەندىلىك بىلەن تاشلىۋېتىلسە، سەلتەنەت ھۆكۈملىرى ئۆزلۈكىدىنلا بۇزۇلىدۇ ۋە مەملىكەت ۋەزىيىتى تۇ راقسىزلىنىدۇ» غانلىقى ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە قەيت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا شۇ چاغدا قۇرۇلغان «ئادالەت مەھكىمىسى» گە كېلىپ دەۋا ھاۋالە قىلغان موڭغۇللارنىڭ ئەرزلەرنى (قۇتادغۇبىلىك) قانۇنىغا ئاساسەن سۇنغانلىقى، بايان تۆمۈرنىڭ «چىقارغان پەرمانېلىرىنى موڭغۇل ئاقساقاللىرى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشمەيدۇ» غانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ناھايىتى روشەنكى، بۇ «پارچە» موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئادالەت ئاساسلىرىنى تۇرغۇزۇشلىرىنىڭ قانداقتۇر يەنە شۇ «پارچە» نىڭ بىر يېرىدە ئېيتىلغاندەك، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل «ئىجاد» لىرى ئىكەنلىكىنى ئەمەس بەلكى «دىن ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ نىزامى» نى ئۇلارنىڭ كىتابىمىزنىڭ 3-بابىدا مەخسۇس توختالغان «سۇلتانلارنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدىكى قائىدىلىرى» بايان قىلىنغان «جامائەت قانۇنى تەلىماتى» ۋە ئۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن «قۇتادغۇبىلىك» كە «ئاساسەن مۇقىملاشتۇرغان» لىقىنى، «ئادالەت ئۆرنەكلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش» تا «قۇتادغۇبىلىك» كە «ماسلاشماقتىن ئۆزگە يول تاپالمىغان» لىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مانا بۇلار ئالدىدا بايان تۆمۈر دەۋا سورىغان
«ئادالەت مەھكىمىسى» نىڭ كىتابىمىزنىڭ 3 - بابىدا توختالغان «مەھكىمە مەزالىم» نىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى دەلىللەشنىڭ شۇنداقلا بەش توملۇق «ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق مەشھۇر ئەسەردە يەڭگىللىك بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر يەرلىك ئاھالىگە مەنىۋىپ كىشىلەرنى ئەرەب دەۋالغان بروككىلمان ئەپەندىنىڭ بۇ يەردە كەتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكىگە ھەيران قېلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.
دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيىسىنىڭ ئوبرازلىق ئىنكاسى بولغان «(قۇتادغۇبىلىك) قاراخانىلار سىياسىي ھاياتىنى ئىلىم، ئادالەت، ئەخلاق ۋە قانۇن بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قانۇن دەستۇرىغا ئايلانغان» (53) بولۇپ، «موڭغۇللار زامانىدا … مەھكىمە ئورگانلىرىنىڭ ئىگىلىشى كېرەك بولغان ھوقۇق قائىدىلىرى مەجمۇئەسى» (54) بولغان بولسا، X VI ئەسىردە «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇرى… سەئىدىيە (يەكەن خانلىقى) خانلىق قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشىگە… ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئىلھام بەردى» (55). گەرچە بۇنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ئىسپاتلىق ھۈججەت قولسىزدا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىزچىللىقنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە بىر ماتېرىيال قولسىزدا تۇرۇپتۇ، ئۇ بولسىمۇ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2-خانى سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ ئۇلۇغ قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن كىتابىنى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى چاغاتاي تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ چىققانلىقى ۋە شۇنداقلا ئۇلۇغ ئالىمنىڭ مازىرىنى قىزىل دەرياسىنىڭ بويىدىن ھازىرقى ئورنىغا يۆتكەپ ياساتقانلىقىدۇر.
«بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، سۇلتان ئابدۇرېشتخان
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ( قۇتادغۇبىلىك ) ناملىق ئەسىرىنى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى چاغاتاي تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئاتۇشلۇق رىشاتخان دېگەن كىشى 1936-يىلغىچە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ يىلى قەشقەردە بولغان ئىسپانىدا ماخۇسەن ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ تاشلانغان. رىشاتخاننىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا كىتاب ناھايىتى ساددا، ئۇقۇمۇشلۇق، جانلىق تىل شەكلى ۋە گۈزەل تەسۋىرىي ۋاسىتىلەر بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. « (56) بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەكەن-سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان « ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش » تەدبىرلىرى ۋە شۇ تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتمۇ بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. سۇلتان سەئىدخان دەۋرىدە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. « سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخىدىن مەلۇمكى، سۇلتان سەئىدخان مىلادى 1516-يىلى 2 - ئايدا (922-ھىجرىيە مۇھەررەم ئېيى) يەنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۇرپان خانى، ئاكسى مەنسۇرخان بىلەن كىچىك ئىنىسى ئىمىن خوجىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى ئارقىسىدا ئۇچرىشىش جايى ۋە ۋاقتى توغرۇلۇق بىر يىل تەييارلىق كۆرگەندىن كېيىن ئاقسۇنىڭ ئاۋات دېگەن جايىدا داغدۇغىلىق ئۇچرىشىپ، تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى يەكەن - سەئىدىيە خانلىقىغا تەۋە قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەنسۇرخان ياشقا چوڭ، سۇلتان سەئىدخان بولسا ( تۆرە ) ( قانۇن ) ئىشلىرىغا ماھىر ئىدى. ئىككىيلەن ئۇچرىشىدىغان چاغدا سۇلتان سەئىدخان مەسلىھەت بېرىپ ئۆزىنىڭ نامىنى كېيىن، ئاكسى مەنسۇرخاننىڭ نامىنى خۇتبىدە ئاۋۋال ئوقۇتتى، بىر - بىرىگە
سوۋغا تەقدىم قىلىشىدىغان چاغدا، ئۇلار ( تۆرە ) ( قانۇن، قائىدە ) دىكى ئادەت بويىچە بىر-بىرىگە مەدھىيە قوشاقلىرى ئوقۇشقان، ئۇلار سۆھبەتتە ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ھەربىي ئىشلار، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزام ( تۆرە ) لىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق مۇھىم چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇشقان، كېلىشىم ئىمزالايدىغان چاغدا ئەمىر جەببار دېگەن قانۇن ئەمەلدارى ۋە دوغلات دېگەن مۆھۈردارلار بىللە بولغانىدى »(57). شۇڭا « نەتىجىدە بۇ ئىككى جايدا يىگىرمە يىل تىنچلىق ۋە ئامانلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. مىسالغا ئالساق، ھەرقانداق كىشى قۇمۇلدىن ئەنجانغا بارماقچى بولسا يول ئۈستىدە ھېچقانداق باج تۆلىمەيتتى، ئۆزىگە ئوزۇق-تۈلۈك ئالمايتتى، بارغانلىكى جايىدا مېھمانغا ئوخشاش كۈتۈلۈپ، ئوزۇقلىنىدىغان، قونىدىغان يەرنى تېپىۋالالايتتى » (58).
بۇ مەلۇمات شۇ ۋاقىتتا يەكەن — سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىدە يۇقىرى دەرىجىدىكى تىنچلىق ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئوغرى، قاراقچى، بۇلاڭچى، زومىگەرلەرنىڭ ئازايغانلىقىنى، خەلقنىڭ غەم - ئەندىشلىرىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
« سۇلتان سەئىدخان تەختكە ئولتۇرۇش بىلەن تەڭلا ھەممىدىن ئاۋۋال زالىملارنى يوقىتىپ، خەلقنى زۇلۇم، ئېغىرچىلىقتىن خالاس قىلدى »، « پۇقرالارنىڭ نامراتچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى ئوڭشۇبلىشى ئۈچۈن دۆلەتتىن ئېلىنىدىغان ئون يىللىق باج-سېلىقنى ئالماسلىق توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلىدى »، « قوشۇنلار ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم تەرتىپ ئورناتتى، ئۆز بېشىچىلىققا قاتتىق چەك قويۇلدى، پۇقرالار مەنپەئىتىگە زىيان كەلتۈرۈلىدىغان قانداق بىرەر ئىش سادىر بولىدىكەن، يۈز-خاتىر قىلىنماستىن دەرھال بىر تەرەپ
مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇلتان سەئىدخاننىڭ توبرا ئاتلىق بىر ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇ ئەزەلدىن ئوردىغا بېلىپ خانغا كۆرۈنۈش قىلمايتتى، ئۇ دائىم موغۇلستان ۋە ئۆزبېك چۆللىرىدە قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بىر قېتىم خاننىڭ زىياپىتىدە ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىۋېلىپ جېدەل چىقارغانلىقى ئۈچۈن سۇلتان سەئىدخان زىياپەت مەيدانىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. جاللاتلار شۇ ھامان ھازىر بولۇپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالغان، ھەمدە بۇلاڭچىلىق، قاراقچىلىق قىلغانلار شۇنىڭدەك خانغا بويۇنتاۋلىق قىلغانلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن، ئۇنىڭ كېسىلگەن كاللىسى شەھەر
سېپىل دەرۋازىسىغا ئېسىپ سازايى قىلىنغان (60).
سۇلتان سەئىدخان دەۋرىدە، ئۇنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان ھەتتا ئۆزىگە سۈيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغانلارغىمۇ ئالاھىدە كەڭچىلىك قىلىندى. تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، سۇلتان سەئىدخان تەختتىكى ۋاقتىدا بىر كىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇق بىلەن يەكەنگە كېلىدۇ. ئۇ خېلى ئۇزاققىچە خانغا قول سېلىشقا پۇرسەت تاپالمايدۇ. ئاخىرىدا ئۆز خوجايىنىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشتىن غەم قىلىپ، ئاتخانىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ خاننىڭ مىنىدىغان ئېتىنى ئوغرىلاپ قاچىدۇ. كېيىن ئۇ خاننىڭ مۇھاپىزەتچى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ يالاپ كېلىنىپ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۇ سوراقتا، مەن يارلىق بويىچە كەلگەنىدىم، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا زادى پۇرسەت تاپالمىدىم، شۇڭا بىرەر ئات بولسىمۇ ئوغرىلاپ قايتىپ بېرىپ قانداقلا بولمىسۇن بىرەر ئىش قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ ئۆز خوجايىنىمدىن ئىنئام ئالاي دېۋىدىم، دەيدۇ. خاننىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىجازەت تەلەپ قىلىشىدۇ.
ئەمما سۇلتان سەئىدخان مىرزا ھەيدەر كوراگانىغا، سىز ئۇنى ھازىرچە خىزمەتچىڭىزگە تاپشۇرۇپ بېرىپ تۇرۇڭ، كېيىنچە قانداق جازالىغۇڭىز كەلسە شۇنداق جازالاڭ، دەيدۇ. ئەمەلدارلار تاراپ كەتكەندىن كېيىن، ياراتقان ئاللانىڭ مېنى ئۇنىڭ قەتلى قىلىشىدىن ساقلاپ قالغىنىغا بولغان رەھمىتىم ئۈچۈن، ئوغرىلىغان ئاتنى ئۇنىڭغا بېرىۋېتىڭ. ئاندىن قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە ئېيتىڭ، ئۇلار بۇنى مۇشۇ يەردىن يولغا سېلىۋەتسۇن، ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ بىچارە ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولۇپ ۋەدە قىلغان ئىشلىرىدىن ئۆز خوجايىنىغا ھېساب بېرەلمەي تەڭقىسلىقتا قالندۇ، دەيدۇ(61)
يەكەن — سەئىدىيە خانلىقى يولغا قويغان «ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» تۈزۈمى خەلقنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەشەببۇس قىلغان ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرىشىنى يېزلەتتى. بۇ ئالدى بىلەن خانلىقنىڭ ئەدلىيە ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان قانۇن خادىملىرىنى «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر بويىچە دىنىي ئىلمىدە پىشقان، تەقۋادار، قانۇندىن خەۋىرى بار كىشىلەر ئىچىدىن تاللاپ تەيىنلەشتە ۋە شۇ ئارقىلىق قانۇنلارنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىدا ئىپادىلەندى.
يەكەن — سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلار قانۇنىنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر جۈمە كۈنى دەرد-ئەھۋال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى مەخسۇس قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ دەردۇئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغاندىن سىرت، خادىملارنىڭ سۇنغان كوكلاتىغا ئىشىنىپلا قالماي، ئۆزلىرى پۇقراچە ياسىنىپ خەلق ئىچىگە بېرىپ ئەھۋال ئۇقۇشاتتى. خانلىقتىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ
پۇقرالارنى بوزەك قىلىش ئەھۋاللىرىنى مەخسۇس ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ خەلقنى دەپسەندە قىلىشىغا ۋە چېكىدىن ئاشقان كەيپ - ساپا تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايتتى. بۇ ھەقتە «تەۋارىخى مۇسىقيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) دېگەن كىتابتا، سۇلتان ئابدۇرېشتخان دەۋرىدىكى ئەھۋال بايان قىلىنىپ: «سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددە كىيىلەرنى كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيىلەرگە زۇلۇم-سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى» (62) دېيىلسە، «چىڭگىزنامە» دېگەن كىتابتا سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ ئوغلى ئابدۇلكەرىمخان دەۋرىدىكى ئەھۋال بايان قىلىنىپ: «ئابدۇلكەرىمخان نۇرمەر قەدەھ بەسى ئادىل ئىدى، ھەر ھەپتىدە داد-خاھ سورار ئىدىلەر، ئازنا، دۈشەنبە قازى ۋە مۇفتى (نى) بىر يانلىرىدا، ھاكىم ۋەزىرنى بىر يانلىرىدا ئولتۇرغۇزۇپ، دادخاھ سورار ئىدىلەر، دادخاھ شەرئى بولسا قازى ۋە مۇفتىغا سالۇر ئىدىلەر، دادخاھ ئەگەر تۆرەلىك بولسا خاجە باشلىق ئۆمەرا فەيسەل بېرۇر ئىدىلەر، خان سامئىد بولۇپ ئولتۇرۇر ئىدىلەر، سەرمۇي مۇكابەرە بولماس ئىدى» دېيىلىدۇ (63).
بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ناھايىتى ئايدىڭكى، يەكەن - سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىمۇ ئۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇنقى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈمىدە بەرپا قىلىنغان قوش سوت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، «مەھكىمە شەرئى»گە تەۋە دەۋالارنى قازى (سوتچى) ۋە مۇفتى (پەتىۋا چىقارغۇچى سوتچى) لار، «مەھكىمە مەزالىم»گە تەۋە دەۋالارنى يەنى «تۆرە» (Tera) گە ئالاقىدار دەۋالارنى خوجا باشلىق ھاكىملار سورىغانىدى، خان بولسا ناھايىتى ئادىللىق
بىلەن دەۋالارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا نازارەتچىلىك قىلاتتى. سۇلتان ئابدۇرېشتخان دەۋرىدە، ئۇ، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى «خانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشى مەسىلىھەتچى قويۇش» ھەققىدىكى تەلىمىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋەزىرلىكىگە شۇ زاماندىكى كامالەتكە يەتكەن ئالىم يۈسۈپ قېدىرخان يەكەندىنى تاللىدى. يۈسۈپ قېدىرخان يەكەندى (تەخمىنەن XVI ئەسىرنىڭ بېشىدا يەكەندە تۇغۇلۇپ، مىلادى 1572-يىللىرى ۋاپات بولغان)، ناھايىتى كەمتەر، كىچىك پېئىل، خەلقپەرۋەر كىشى ئىدى، ئۇ گەرچە ۋەزىر بولسىمۇ، لېكىن دائىم كۇلا، جەندە كىيىپ، خەلق ئارىسىغا ئارىلىشىپ يۈرەتتى، ئۇ، خەلقنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى بىۋاسىتە ئاڭلاپ چۈشەنگەچكە، ئوردا بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپتەكلا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېشتخان زامانىسىدا ئىختىرا قىلىنغان قانۇن - تۈزۈمگە دائىر ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈسۈپ قېدىرخاننىڭ تەكلىپى بىلەن قىلىنغانىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ئەلنى ئادالەتلىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنىڭ يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ھۆكۈمرانلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئالدى بىلەن سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدىن ئاندىن، ئايازبېك قۇشچىنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن شۇنداقلا مىرزامەھمۇد جورراسنىڭ قەلىمىدىن كۆرۈش مۇمكىن. مەلۇم بولۇشىچە، سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ شېئىرلىرىدا ھەق، ئادالەتلىك، تەڭلىك، باراۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، گەرچە پادىشاھ بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پادىشاھ ئورنىدا ئەمەس، بەلكى بىر ئاددىي پۇقرا ئورنىدا قويىدۇ. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭلىك-باراۋەرلىكنى، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر» بولۇشىنى
تەرغىب قىلىدۇ. ئۇ، دۇنيا، ھوقۇق، ئىمتىياز دېگەنلەرگە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك قارايدۇ، پادىشاھلارنى، ھۆكۈمرانلارنى دۇنيانى مەڭگۈ ھېسابلاپ شەدداتتەك زالىم بولماسلىققا، ئادىل ئىش كۆرۈشكە يېتەكلەيدۇ، ئۇنىڭچە بولغاندا، دۇنياغا ئادەم بالىلىرىنى كەلتۈرۈشتىن مەقسەت — خۇدانىڭ قۇللۇقىنى قىلامدۇ-يوق؟ سىناپ بېقىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا سەلتەنەت تەختىدە غادىيىپ ئولتۇرغان پادىشاھلارمۇ، جان بېرىش ۋاقتىدا بىر ئاجىز تىلەمچىدىن ئارتۇق بولمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيا بىر كونا قونالغۇ، ئىنسانلار بولسا بىر كېچە قونۇپ ئۆتكۈچىدۇر. سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ مۇشۇ ئىدىيىلىرىنى بىۋاسىتە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ىدىن ئېلىنغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
مەنبەلەردىن قارىغاندا، سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرېشتخانلارنىڭ ئوردىسىدا ۋەزىرلىك مەنسىپىدە تۇرغان ئايازېك قوشچى ( XV ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يەكەننىڭ قوشچى يېزىسىدا تۇغۇلغان) سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇشتا ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەشتە ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭ ئابدۇرېشتخاننىڭ تەختكە پىققانلىقىغا ئاتاپ يازغان «كەلدى» ناملىق شېئىرىدىن، سەئىدىيە خانلىقىدا بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلاردىن ھەم سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن ئادالىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئايازېك قوشچى ھىجىرىيىنىڭ 924-يىلى (مىلادىيە 1518-يىلى) يازغان «جاھاننامە» ناملىق داستانىدا، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش يول تۇتۇپ، پادىشاھلارنى ئەدلو- ئادالەت بىلەن يۇرت سوراشقا، خەلققە زۇلۇم سالماسلىققا، قىسقا ئۆمرىنى كەيپ- ساپا، ئەيش - ئىشرەت سۈرۈپ بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، ئەلگە بېغىشلاپ خەلقنى پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە دالالەت قىلىدۇ.
تەخمىنەن X VII ئەسىردە جورراس قەبىلسىدە تۇغۇلغان تارىخچى ۋە ئەدىب مىرزا مەھمۇد جورراسنىڭ « تارىخىي رەشىدىيە » (زەيلى) دېگەن كېتابىدا ئۇچرايدىغان بەزى شېئىرلىرىدا ئادالەت بىلەن ئەل سورىغان ھۆكۈمرانلار مەدھىيىلىنىدۇ. بەزى شېئىرلىرىدا قانخور، ئادالەتسىز پادىشاھلار تەنقىدلىنىپ، ئۇلارنى ئادىل بولۇشقا، خەلققە زۇلۇم سالماسلىققا دالالەت قىلىنىدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « پىش ئەمەس » دېگەن شېئىرىدا، يۈسۈپ خاس ھاجىپچە ئىش كۆرۈپ، خۇدالىق دەۋاسىنى قىلغۇچى زالىم پادىشاھ نەمرۇتنى تەمسىل قىلىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھېچكىمگە باقمەندە بولمايدىغانلىقىنى، مەيلى ياخشىلىقتا نام قالدۇرغان پادىشاھ بولسۇن، مەيلى خەلققە زۇلۇم سېلىپ، خەلقنىڭ قارغىشىغا دۇچار بولغان پادىشاھ بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئاخىرىدا تەختنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمرانلارنىڭ يۇرت سوراشتا خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش، پۇقرالارغا زۇلۇم سالماسلىقى، پۇقرالارنى خۇددى قويچىنىڭ قوينى ئاسرىغىنىدەك ئاسراپ، ھەممە ۋاقىت خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ، شېئىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
دۇنياغا بەرمە كۆڭۈل نامېھرىبانى پىش ئەمەس، بىر راباتى كوھىندۇر بىزگە راۋانى پىش ئەمەس. تەڭرىلىك دەۋاسى قىلدى نەمرۇد قەتىل ئەتكۈچى، پىشەئى زارۇ زەئىپ ناتاۋانى پىش ئەمەس. سەلتەنەت ئەھلىگە لازىم خاس ۋە ئام پىكرىن يېمەك، بىر ئېغىل قويدۇر ئولۇس شەھلار شۇببانى پىش ئەمەس.
(مەزمۇنى: دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە، دۇنيانىڭ ۋاپالىقى
دائىم بولىۋەرمەيدۇ، دۇنيا بىر ۋاقىتلىق يول يۈرگۈچىلەر قونۇپ ئۆتىدىغان دەڭ، ئۇ بىزگە داۋاملىق تەييار تۇرىۋەرمەيدۇ. خەلقنى قىرىپ تۈگىتىۋېتىمەن دېگۈچى نەمرۇد خۇدادىن خۇدالىق دەۋاسى قىلدى. شۇڭا ئۇ، جاجىسنى يەپ زەئىپ ھالغا كەلمەي قالمايدۇ. سەلتەنەت ئەھلىگە ئومۇمىي خەلقنىڭ غېمىنى يېمەك لازىمدۇر. خەلق دېگەن بىر ئېغىل قويدۇر، قويچى ئۇنى خەۋەر ئالىسا بولمايدۇ). ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن بولغان ئورتاقلىقىنى يەنە ئۇنىڭ ئابدۇللاخان ئوغلى يولۋاسخاننىڭ ئەھۋالىغا قارىتا يازغان بىر شېئىرىدا، خەلق بىلەن پادىشاھلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يىلتىز بىلەن دەرەخ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاتقانلىقىدىن كۆرۈش مۇمكىن، ئۇ، شېئىردا مۇنداق دەيدۇ:
رەئىيەت بىخ ئېرۇ، سۇلتان شەجەركىم، شەجەرىخسىز ئىيسە ئۇنى ئىلتار ئۇنى باد.
(مەنىسى: پۇقرا يىلتىز، سۇلتانلار دەرەختۇر. دەرەخ يىلتىزسىز بولسا، شامال ئۇنى ئۆرۈۋېتىدۇ). سۇلتان ئابدۇرېشتخان تەرجىمە قىلدۇرغان «قۇتادغۇبىلىك» - نىڭ چاغاتاي تىلىدىكى نۇسخىسى تارىخىي قىسمەتلەر تۈپەيلىدىن دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇلۇغ قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆزىگە ئەينەك قىلىپ، ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويغان «ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش»، ھەممە ۋاقىت پۇقرانىڭ غېمىنى يېيىش توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىنى ئۆز دەۋرىگە تەتبىق قىلىپ، تارىختا فېئودال پادىشاھلار ئىچىدىكى ئەبەدىلئەبەد نامى ئۆچمەيدىغان، كىشىلەر
قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدىغان بىر ئادىل سۇلتان بولۇپ قالغانلىقى دەۋرىمىزگىچە بىر يازما ئابىدە شەكلىدە يېتىپ كەلگەن. بۇ «قۇتادغۇبىلك» نىڭ ۋۇجۇدىدىن 500 يىل كېيىن بارلىققا كېلىۋاتقان، ئىنسان روھىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر مۆجىزىدۇر.
تۆتىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىگە تارىخىي چىنلىققا ھۈرمەت قىلغان ھالدا، توغرا ۋە ئادىل باھا بېرىش لازىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە قانۇن ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىپ چۈشىنىشتە تونۇشىمىزنىڭ تېخى تېيىزلىكى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل خاھىش ساقلانماقتا.
بىرىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ھازىرقى زامان ئاتېئىزمچىلىرىغا ئوخشىتىشقا قىزىقىپ كېتىپ، ئۇنىڭ تىئولوگىيىلىك كۆز قاراشلىرىدىن قەستەنلىك بىلەن قېيىپ ئۆتۈپ كېتىش خاھىشى. بۇنىڭدىكى مەسىلە «قۇتادغۇبىلك» تە ئىسلام كالاملىرىدىن گەپ قىلىنمىغان، پەقەت ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەدەبىياتتىكى ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن خۇدا، پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ تۆت چاھاريارىغا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن چەكلەنگەن، دەپ ئۇنىڭدا دېيىلگەن خېلى نۇرغۇن ئىدىيىلەرنىڭ ئىسلام تەرغىپ قىلغان ئىدىيىلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىش ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قانۇننى خۇدادىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان» دېيىش ۋەھاكازالار.
بىز كىتابىمىزنىڭ ئۈچىنچى بابى ۋە مۇشۇ بابنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام جامائەت قانۇنى تەلىماتى بىلەن «شەرىئەت» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۇق. دەرۋەقە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام قانۇنى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا كىرگۈزۈپ تۇرۇپ كۆزىتىش ۋە ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزۈش ئۇنى دەۋردىن چەتنەپ كۆزەتكەن ۋە تەھلىل قىلغانغا قارىغاندا كۆپ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. ئەگەر بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىسىگە سۇفىستىك، دېداكتىك دېگەنگە ئوخشاش ماركىلارنىڭ چاپلىنىپ قېلىشىدىن يىراق تۇرىمىز دەپ، «قۇتادغۇبىلىك» ئىسلام دىنى تۇپرىقىمىزغا كىرگەندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا مودىغا ئايلانغان ئەنئەنە بويىچە يېزىلىپ، خۇدا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ھەمدۇ سانا ئېيتىشتىن باشلانغان، دېيىش بىلەنلا ئىشنى بولدى قىلىمىز دېسەك، بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا قارىتا بېرىلگەن مۇۋاپىق باھا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما قانۇن ئىلمىي تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن مۇۋاپىق بولمايدۇ، ئۇ بىزنى زامان ۋە ماكاندىن ئايرىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ھادىسىلىرىگە ئائىت ئىدىيىسىنى ئۆزى ياشىغان دەۋردە دۆلەت قانۇنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى — «شەرىئەت» نىڭ يوللىرىدىن ئاجرىتىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان بىر قانۇن ئۇقۇمى ياكى بولمىسا قانۇن پروگراممىسى دەپ بېكىتىشىمىزگە ئېلىپ بارىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنىنىڭ كونا ئەنئەنىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئۇنىڭ قانۇندىكى كونسېرۋاتىپلىقىنى بەلگىلىگەن. ئىسلام قانۇنىدا ھەرقانداق بىرەر يېڭىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقچى بولسا، مەيلى ئۇ ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ قانچىلىك تەرەققىيەرۋەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلام ئەھكاملىرىنى قوغداش پرىنسىپى ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىنقى چىقىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ. ئىسلام مۇھىتىدا ياشىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇننى ئىسلاھ قىلىش ئىدىيىسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئىسلام قانۇنى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، دۇنيا ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى ئىسلام قانۇنىنى مۇھەممەد پەيغەمبەر دەۋرى قانۇنى (تۆت خەلىپە دەۋرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەم خەلىپىلەر ئىمپېرىيىسى (ئۆممۈۋىيە، ئابباسىيە، پاتىمىيە، ئەييۇبىيە خاندانلىقى)، سەلجۇقىي تۈركلىرى، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى، يېقىنقى زامان ئىسلام دۆلەتلىرى قانۇنى دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلىدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى باسقۇچتىكى قانۇننىڭ شەكىل جەھەتتە ئورتاقلىقى، زىچ مۇناسىۋىتى روشەن ئەنئەنىۋى ۋارىسچانلىقى بار. لېكىن ئۇلار ئوخشاشمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا بارلىققا كەلگەن قانۇن ئۇقۇمى بولغاچقا ئۆممۈۋىلەر خاندانلىقىدىن تارتىپ باشلانغان كېيىنكى بىرقانچە خاندانلىقنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر دەۋرىدىكى قانۇن - تۈزۈملەردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ، كونكرېت مەزمۇنى ۋە قانۇن شەكلى جەھەتتە ئۆز ئالدىغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئىسلام تارىخىدىن مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئىسلام دىنىنىڭ داھىيلىرى، ئالىملىرى، سىياسىئونلىرى باشتىن ئاياغ ئىسلامنىڭ زاھىرى قىممىتىنى تەكىتلەپ «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» تىن چەتنىگەن بارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلدى. ئىسلام قانۇنىنىڭ تەفسىرچىلىرى مۇسۇلمان مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق مۇھەممەد پەيغەمبەر دەۋرىدىكى قائىدە - قانۇنلار بويىچە ئىش قىلىشنى قاتتىق تەشەببۇس قىلىپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى قانۇن ئىدىيىسى تارىخنىڭ تەرەققىيات جەريانىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. شۇڭلاشقا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان يېقىنلىق مۇناسىۋىتى جۈملىسىدە ئۇنى «شەرىئەت» نىڭ
ئەڭ ئاۋۋالقى قائىدە - ئەنئەنىلىرىنى ئەينى بويىچە چۈشەندۈرۈش، ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە بۇزۇلغان قىسمىنى تۈزىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى جاپالىق ئەمگەك ۋە شۇ جاپالىق ئەمگەكنىڭ مېۋىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ئىككىنچى، « قۇتادغۇبىلىك » تىكى قانۇن ھادىسىلىرىنى پەقەت تىك سىزىق بويىچىلا ئوپپراتسىيە قىلىپ، توغرىسى بويىچە ئوپپراتسىيە قىلىشقا سەل قاراش خاھىشى. بۇنىڭدىكى مۇنازىرىنىڭ تۈگۈنى - يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسى قانۇننىڭ ئۆزىمۇ ياكى قانۇن ھادىسىسى بىلەن باغلانغان قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىسىمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭغا بىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى، ئۇ ئالدى بىلەن قانۇننىڭ ئۆزى، ئاندىن كېيىن قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىسىدۇر. بۇنى قانۇنشۇناسلىقنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دائىرىسىدىن چىقىپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قانۇننى توغرىسى بويىچە ئوپپراتسىيە قىلغاندا ھەرخىل تىپتىكى تارماق قانۇننى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق قانۇنشۇناسلىقنىڭ ئىچكى دائىرىسى كۆزىتىلىدۇ؛ قانۇننى تىك سىزىق بويىچە ئوپپراتسىيە قىلغاندا، قانۇنشۇناسلىقنىڭ ئىچكى دائىرىسىگە قانۇننى تۈزۈشتىن تارتىپ قانۇننىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا قەدەر بولغان نۇقتىدىن قاراشقا بولىدۇ. كىتابسىزنىڭ 2-بابىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، « قۇتادغۇبىلىك » تە قەيت قىلىنغان ئوردا ئىشلىرى، ھەربىي ئىشلار، جىنايى ئىشلار، خەلق دەۋا، ھەق تەلەپ ئىشلىرى شۇنىڭدەك نىكاھ. ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن-يوسۇنلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنشۇناسلىق تەلىماتىدىكى تارماق قانۇن ئىلمىغا ياتىدىغان ھادىسىلەردۇر. تارماق قانۇن ئىلمى تارماق قانۇنلار بار مۇھىت ئاستىدا مەيدانغا كېلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قانۇنشۇناسلىق بىلەن
پەلسەپىنىڭ، قانۇنشۇناسلىق بىلەن ئىجتىمائىيەت ئىلمىنىڭ، قانۇنشۇناسلىق بىلەن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ، قانۇنشۇناسلىق بىلەن سىياسىيشۇناسلىقنىڭ، قانۇن بىلەن ئېتىكانىڭ مۇناسىۋىتى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قانۇنشۇناسلىقنىڭ سىرتقى دائىرىسىگە تەۋە بولغان قىسمىدۇر.
قانۇنشۇناسلار قانۇن-قائىدىلەرنىڭ تەڭشەش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئۇنى مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى قائىدە، مەنئى قىلىش خاراكتېرىدىكى قائىدە ۋە ھوقۇق بېرىش خاراكتېرىدىكى قائىدە دەپ بىرقانچە تۈرگە بۆلىدۈ. كىشىلەردىن بەلگىلىك ھەرىكەت قىلىشنى، بەلگىلىك ئىجتىمائىي نەتىجە چىقىرىدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن-قائىدىلەر مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك قائىدە، كىشىلەرنىڭ بەلگىلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى چەكلەيدىغان، بەلگىلىك ھەرىكەتلەرنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن-قائىدىلەر مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك قائىدە، مەلۇم ھەرىكەتنى قىلىشنىمۇ تەلەپ قىلمايدىغان، مەلۇم ھەرىكەتنىمۇ مەنئى قىلمايدىغان بەلكى كىشىلەرگە مەلۇم ھەرىكەتنى قىلىشقا بولىدىغان ياكى باشقىلاردىن مەلۇم ھەرىكەتلەرنى قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان قابىلىيەت بېرىدىغان قانۇن-قائىدىلەر ھوقۇق بېرىش خاراكتېرىدىكى قائىدە دېيىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە مۇشۇ ئۈچ خىل قانۇن - قائىدىنىڭ ھەممىسىلا تېپىلىدۇ.
قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىدا، بەزى ئادەملەر ھازىرقى زاماندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن-پەرمانلارنىڭ مۇكەممەللەشكەن ئەندىزىلىرى بويىچە بىز تەتقىق قىلىۋاتقان قەدىمكى زاماننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ «قانۇن»، «يوسۇن» ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشكە ئۇرۇنىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا قەدىم زاماننىڭ «قانۇن»،
«يوسۇنلىرى» ھەققىدە گەپ ئېچىلسلا قانۇننىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ بېرىش تارىخىدىن چەتلەپ، ھازىرقى زاماندىكى مەلۇم بىر قانۇن، پەرمانلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ قانۇنى بولسۇن ياكى قايسى سىستېمىغا تەئەللۇق قانۇن-پەرمانلار بولسۇن ئۇنىڭدىكى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھازىرقى قانۇن-پەرمانلار شۇ دۆلەتنىڭ ياكى شۇ سىستېمىغا تەئەللۇق بولغان قانۇن ئۇقۇمىنىڭ ئۆزى نەمەس. ئۇ ناھايىتىمۇ ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە شۇ دەۋرلەرنىڭ ئادەت قانۇنى ئاساسىدا ئۆزگىرىش ياساپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەن. شۇنىسى ئېنىقكى، قانۇن دۇنياغا كېلىپ رەسمىي يۈرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ يوشۇرۇن بىخا مىنىش دەۋرى ياكى «ھامىلە دەۋرى» بولىدۇ. مانا بۇ چاغدىكى قانۇننىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى بەكمۇ چەكسىز بولۇپ، بۇ بىر خىل يېزىقسىز ئادەت قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ «قانۇن» دېگەن ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقان پۈتكۈل مەنبەلەر ئىچىدە بىردىنبىر مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان فرانسۇز قانۇنشۇناسى ھېنرى لېۋى بىروھىل «قانۇن» نىڭ «مەنبە» سى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى (تارىخىي) لىق، (تارىخىي ماتېرىيال) لىق دېگەنگە تۈگۈنلىدىم. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان (مەنبە) — بىزنى قانۇننى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىۋاتقان بارلىق ھەرخىل خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىياللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ماتېرىياللار كۆپىنچە بەلگىلىك مەدەنىي سەۋىيىنىڭ باشلىنىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن يازما ماتېرىياللاردۇر… بۇ خىلدىكى ماتېرىياللار بەلكىم قەدىمكى كىتابلاردىكى ھۈججەتلەر، دىنىي قائىدە-مۇراسىملار، ئاغزاكى رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ئادەتلەر بولۇشى مۇمكىن. يىغىنچاقلىغاندا، بىزنى ھازىرقى ياكى بۇرۇنقى
قانۇنلارنىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلىيە ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى قانۇننى تونۇشىمىزنىڭ مەدەيدۇ (64). ھېنرىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، ئىككىنچى بابىدا بىزنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە قائىدە-يوسۇن، تەرتىپ، ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى تونۇغانلىقىمىز ھەرگىز خاتا ئەمەس بەلكى تو مەلۇمكى، ئىنسانلار قانۇن بىلەن مەدەنىيەتىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ. نۇرغۇن ئەسەرلەر قانۇن قانۇنشۇناسلىقنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئەمما ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن مەدەنىيەت بىلىم ئەسەر دەپ قارىلىدۇ. نۇرغۇن ئەسەرلەر ئۆز پەنلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ، مەدەنىيەت مەنىۋى مەدەنىيەتكە مۇھىم ئورۇن بېرىدۇ، قانۇنشۇناسلار قانۇنچىلىق دەستۇرى دەپ قارا يازما قانۇنلار قەيت قىلىنغان ئەسەرلەر يېزىقچىلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئەسەرلەر ئۆزىدە قانۇنشۇناسلىقنى مۇجەسسەملە ئۈچۈن قانۇنشۇناسلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ «خەن فىيزى» — قانۇنشۇناسلىققا دائىر ئە قانۇنشۇناسلار خېلى بۇرۇنلا ئۇنى «قانۇنشۇناسلىق كىرگۈزگەنىدى، ئەمما مەدەنىيەت ساھەسىدى» مەدەنىيەت بىلىملىرى لۇغىتى»گە كىرگۈزۈپ ساھەسىدىكى ئەسەر دەپ قارىدى. XV ئەسىر بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججەتى «كىشىلىك خىتابنامىسى» ئەسلىدە مۇنتىسكيۇ، بۇرژۇئا سىياسىي تەلىماتلىرىنى ئۆزىگە قىلىدۇ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن قويغان بىر قانۇنشۇناسلىق دەستۇرى بولۇپ، «
لۇغىتى» گە كىرگۈزۈلگەنىدى. ئەمما ئۇنى مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر « مەدەنىيەت بىلىملىرى لۇغىتى» گە كىرگۈزۈپ « مەدەنىيەتكە دائىر كلاسسىك ئەسەر» لەر تىپىغا ياتقۇزدى. شۇڭا ئېيتىمىزكى، « قۇتادغۇبىلىك» مۇ پەنلەر تېخىمۇ ئىنچىكە تۈرلىنىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا « قانۇنشۇناسلىق لۇغىتى» بىلەن « مەدەنىيەت بىلىملىرى لۇغىتى» گە كىرگۈزۈلۈشتىن تاشقىرى يەنە، نۇرغۇنلىغان لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. تارىخچى مىرزا ھەيدەر كوراگانى 952 - ھىجىرىيە (مىلادى 1545 - يىلى) دە، تۇرپان بىلەن چالىش (قاراشەھەر) قا پادىشاھ بولغان شاھجاھان (مەنسۇرخاننىڭ چوڭ ئوغلى) دەۋرىدىكى يامان قىلىق، بۇزۇق ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ: « تارىخچىلارنىڭ ئادىتى تىلغا ئالغۇچىلىكى بارمۇ-يوق، دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلىشىپ ئولتۇرماي، ھەرقانداق ۋەقەنى ئۆز چىنلىقى بىلەن بايان قىلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى — خان، پادىشاھلارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، يامان قىلىقلىرىنى يېيىش ئەمەس، بەلكى ھېچبىر تاللاپ ئولتۇرماستىنلا بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ تارىخ قىلىپ يېزىپ ئۇنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشتۇر. شۇنداق بولغاندىلا، تارىخ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەيلى قانداق ئېسىل ياكى پەس كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ئۈگۈت - نەسىھەتلىرىدىن مەنپەئەت ئېلىپ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن يامان قىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بايقىۋالالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ھەرقايسى پادىشاھ، خان ئوردىلىرىنىڭ جاھانغا ئايان بولغان دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزلىرىگە ئەينەك قىلىپ، ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ ئىنسانلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەپ، يامان قىلىقتىن تەزدۈرەلەيدۇ» دېگەنىدى (65).
«ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» قا ھەمىدىن بەك ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ھەممىدىن كۆپرەك سەھىپە ئاجراتقان «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قىممىتى، ئۇنىڭ ئەينى زاماندىلا نۇرغۇن ئەللەرگە تاراپ، نۇرغۇن پەنلەرگە چېتىلىپ خەلقئارالىق تۈس ئالغانلىقى ھەم قانۇنشۇناسلىق ئىلمى دائىرىسىدىن خېلى نۇرۇنلا ھالقىپ كەتكەنلىكىدە بولۇپ، ئۇنىڭ مېغىزى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلارغا نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ھاكىمىيەت تۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىخىنى ئەينەك قىلىش توغرىسىدا تارىخ شەكلىدە ئەمەس، داستان شەكلىدە دانا يوليورۇق كۆرسەتكەنلىكىدىدۇر. شۇ نۇقتىدىن ئۇ، بىلىمگە ھۈرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ھۆكۈمران ۋە خەلقلەرنى ئەينى زاماننىڭ ئۆزىدىلا «بەخت-سائادەتكەن ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم» بولۇپ قالماستىن بەلكى تەرەققىيات دەۋرىدە كېتىۋاتقان XXI ئەسىردىمۇ ئوخشاشلا «بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم» دۇر.
(1) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» ، 276-، 279-بېيت.
(2) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، 1-توم 447-، 608-بەت.
(3) ئابدۇرېھىم سابىت: «ئۇيغۇر كلاسىك ئەدەبىيات تارىخى» ، (2-كىتاب 1-قىسم) دا، پارس يازغۇچىسى ھۆسەيىن ۋائىز كاشفىنىڭ «ئەقلاقۇل مۇھىتىنى» (ياخشىلارنىڭ ئەخلاقى) دېگەن كىتابىدىن كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
(4) مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، 1-توم 139-بەت.
(5) «قۇتادغۇبىلىك» ، 1962، 1758، 1595، 2966، 3815،
5569، 3817، 2818، 3819، ۋە 3820-بېيىتلارغا قارالسۇن. (6) «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»، شەرق تەرەپ 5-، 6-ۋە 10-قۇرلار. (7) «قۇتادغۇبىلىك». 250، 251، 252، 258، 259-بېيىتلەر. (8) «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»، شەرق تەرەپ 1-ۋە 3-قۇرلار. (9) «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»، جەنۇب تەرەپ 10، 11، 12، 13-قۇرلار. (10) ئى. كافەس ئوغلى: « (قۇتادغۇبىلىك) ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» غا قارالسۇن. «چەت ئەل ئالىلىرى - (قۇتادغۇبىلىك) توغرىسىدا» (1989-يىل) 138-بەت. (11) سەي خۇڭشىن: «تۈرك قانۇنى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» تە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. تارىخ تەتقىقاتى ژۇرنىلى 1965-يىل 5-سان 96-بەت، خەنزۇچە. (12) جۇ ليەنكۇمن: «دىڭلىك (تۇرا) لارنىڭ ئىرقى، تىلى ۋە گوبىدا ياشايدىغان مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. «تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، خەنزۇچە، 1-كىتاب 66-بەت. (13) «قۇتادغۇبىلىك»، 449، 461، 3096-بېيىت. (14) شەرىپىدىن ئەلى يەزدى: «ئەمىر تۆمۈر كوراگان ھەققىدە قىسە». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986-يىل 9-ئاي 1-نەشرى 15-بەت. (15) شاھ مەھمۇد جورراس: «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، ئۇيغۇرچە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل 9-ئاي 1-نەشرى، 194، 241-بەت. (16) موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ئەمىنىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988-يىل 11-ئاي 1-نەشرى، 27-بەت. (17) موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ئەمىنىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە، 1988-يىل 11-ئاي 1-نەشرى،
(18) شى كېكۋەن؛ «جۇڭگو ھەرەمئاغلىرىنىڭ مەخپىي تارىخى»، خەنزۇچە، باۋۇبىتاڭ كىتابخانىسى 1988-يىل 9-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى، 17-بەت.
(19) مۇرەن؛ «مىللەتتە ئاساسىي روھ بولۇشى كېرەك»، خەنزۇچە، شىنجاڭ گېزىتى (خەنزۇچە) 1989-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىغا قارالسۇن.
(20) لىن گەن؛ «تۈركلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى» دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل، «تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، خەنزۇچە، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1987-يىل 7-ئاي 1-نەشرى 1-قىسىم 311-بەت.
(21) «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىل 11-ئاي 1-نەشرى، 99-، 100-بەت. (22) موللا مۇسا سايرامى؛ «تارىخى ئەمىنىيە»، ئۇيغۇرچە، 56، 99، 100، 222-بەتلەر.
(23) يۈسۈپ خاس ھاجىپ؛ «قۇتادغۇبىلىك»، 1412، 1413-بېيت.
(24) شەرىپىدىن ئۆمەر؛ «ئۇيغۇرلاردا كىلاسىك ئەدەبىيات»، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 290-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
(25) قەشقەر «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقات خەۋىرى»، ئۇيغۇرچە، 1984-يىل 2-سان 100-بەت. (26) موللا مۇسا سايرامى؛ «تارىخى ئەمىنىيە» 76-، 77-بەتلەر.
(27) قەييۇم كەرىمۇ؛ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قا قارالسۇن. «چەت ئەل ئالىملىرى - (قۇتادغۇبىلىك) توغرىسىدا». (1989-يىل) ئۇيغۇرچە، 203-بەت.
(28) ئەزىزوپ قاسىم؛ «قاراخانىلار دەۋرىدە قوشۇن»،
مەملىكەتلىك تۈنجى قېتىملىق ( قۇتادغۇبىلىك ) ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالە ، (29) ھاجى نۇرھاجى: « قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » ، ئۇيغۇرچە ، 98 ، 99-بەت ، (30) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: « قۇتادغۇبىلىك » ، 3048 ، 3046 ، 2406 ، 3038 ، 3049-بېيىتلارغا قارالسۇن ، (31) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: « قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە » ، شىنجاڭ نارىخىۋىناسلىق ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان 61-بەت ، ئۇيغۇرچە ، (32) « جۇڭگو قانۇن-تۈزۈم تارىخى » ، خەنزۇچە ، ئامما نەشرىياتى 1982-يىل 7-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى 260-بەت ، (33) (34) يۇقىرىقى كىتابتا كەلتۈرۈلگەن نەقىل ، (35) لىن گەن تۈزگەن: « تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى » ، خەنزۇچە ، 2-كىتاب 651-بەت ، (36) شەرىپىدىن ئۆمەر: « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېركلار » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل 9-ئاي 1-نەشرى ، 26-، 27-بەتلەر ، (37) گېڭ شىمىن: « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان مۇھىم يادىكارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى » دا كەلتۈرۈلگەن نەقىل ، (38) كارل بروككلمان (1868 — 1956) شەرقىي گېرمانىيە گاللى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى . سام ۋە تۈركىي تىللارنى ئۆگەنگەن ، « سام تىللىرىنىڭ قىياسى گرامماتىكىلىق ئوچېركى » ، (ئىككى توم ، 1908 — 1913-يىللىرى نەشر قىلىنغان) ، « ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخى » (5توملۇق) ، « مۇسۇلمان خەلقلىرى ۋە شەھەرلىرى تارىخى » (1939-يىل) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان ، مەھمۇد قەشقەزىنىڭ « دىۋان لۇغەتت تۈرك » دېگەن كىتابىنى ئەرەبچىدىن نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلغان ، (39) ، (40) « چەت ئەل ئالىملىرى — ( قۇتادغۇبىلىك )
توغرىسىدا « ، ئۇيغۇرچە ، 247-بەت. (41) مىرزا مەھمۇد ھەيدەر: « تارىخى رەشىدى » ، خەنزۇچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 1-توم 176-بەتتىكى ( ) ئىزاھاتقا قارالسۇن. (42) ئىبنى بەتۇتە: « ئىبنى بەتۇتە ساياھەت خاتىرىلىرى » ، خەنزۇچە، نىڭشا خەلق نەشرىياتى 1985-يىل-8-ئاي 1-نەشرى، 304-، 305-بەتلەر. (43) ئەلائىددىن ئەتامۇلك جۇۋەينى: « تەۋارىخى جاھانكۇشاي » ، (دۇنيانى ئىستىلا قىلغۇچىلار تەزكىرىسى)، خەنزۇچە، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 5-ئاي 1-نەشرى، 27-، 28-بەتلەر، « چىڭگىزخاننىڭ ئەمىر - پەرمانلىرى ۋە ئۇ روناق تاپقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قانۇنلىرى » غا قارالسۇن. (44) « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ « B . مۇقەددىمە » سىنىڭ ئىچىدىكى 11 — 16 گىچە بېيىتلارغا قارالسۇن. (45) « قۇتادغۇبىلىك » داستانىنىڭ ۋېنا نۇسخىسى فاكسىلىدا بېرىلگەن قوشۇمچە ماتېرىياللار II: « يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك » كە قارالسۇن. « چەت ئەل ئالىلىرى — قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا » . ئۇيغۇرچە 247-بەت. (46) بۇقىرىقىغا ئوخشاش. (47) دىلدار مەمتىبىن: « ئالتۇن يارۇقنىڭ بىرىنچى كىتابى » غا قارالسۇن. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى 1984-يىل 1-سان، 74-بەت، ئۇيغۇرچە. (48) « چەت ئەل ئالىلىرى— قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا » ، ئۇيغۇرچە، 249-بەت. (49) ئۇلۇغ قانۇنچى. (50) قانۇن مەنىسىدە. (51) قانۇن دەستۇرى. (52) « چەت ئەل ئالىلىرى — « قۇتادغۇبىلىك » توغرىسىدا » ،
ئۇيغۇرچە 249، 250، 251-بەتلەرگە قارالسۇن. (53) (55) ئابدۇكېرىم راخمان: « ئەتەبەتۇنھەقايىق » ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى ئىدىيىسى» گە قارالسۇن. « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر ». قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1981-يىل 9-ئاي 1-نەشرى، 325، 332، 333- بەتلەر. (54) (تۈركىيە) كاپسوغلو: « قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» غا قارالسۇن. « چەت ئەل ئالىملىرى — قۇتادغۇبىلىك » توغرىسىدا »، ئۇيغۇرچە 147-بەت. (56) ئابدۇرېھىم سابىت: « ئۇيغۇر كلاسىك ئەدەبىيات تارىخى »، ئىككىنچى كىتاب 1-قىسىم 100-بەتكە قارالسۇن. (57) مىرزا مەھمۇد ھەيدەركوراگانى: « تارىخىي رەشىدى »، خەنزۇچە 2-توم 275-، 277-بەتلەر، 58-بابى — « مەنسۇرخاننىڭ سۇلتان سەئىدىخان بىلەن ئۇچرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىملىرى» گە قارالسۇن. (58) مىرزا مەھمۇد ھەيدەركوراگانى: « تارىخىي رەشىدى » خەنزۇچە، 1-توم 345-، 346-بەتلەر، 65-باب — « مەنسۇرخان » غا قارالسۇن. (59) ئابدۇرېھىم سابىت: « ئۇيغۇر كلاسىك ئەدەبىياتى تارىخى »، ئىككىنچى كىتاب 1-قىسىم 14-، 16-بەتلەرگە قارالسۇن. (60) مىرزا مەھمۇد ھەيدەركوراگانى: « تارىخىي رەشىدى »، خەنزۇچە 2-توم 161-بەت، 30-بابى — « تاغام سەئىد مەھمۇد مىرزىنىڭ ئىش-ئىزلىرى» غا قارالسۇن. (61) مىرزا مۇھەممەد ھەيدەركوراگانى: « تارىخىي رەشىدى »، خەنزۇچە 1-توم 362-بەت، 68-بابى — « سۇلتان سەئىدىخاننىڭ پەزىلەتلىرى» گە قارالسۇن. (62) موللا ئىسەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۇجىزى: « تەۋارىخى مۇسىقيۇن » (مۇزىكانتلار تارىخى) مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 65-بەت. ئۇيغۇرچە،
(63) موللا مىرسالىە كاشقەرى: «چىڭگىزنامە» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 113-بەت. (64) HenriLery-Bruhl) (فرانسىيە): «قانۇن-سوتسولوگىيە» (SOCIOLOGIEDUDROIT) فرانسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ 1981-يىل 6-نەشرىگە ئاساسەن شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1987-يىل 8-ئاي تەرجىمە نەشرى، خەنزۇچە، 37-بەت. (65) مىرزا مەھمۇد ھەيدەركوراگانى: «تارىخى رەشىدى» ، خەنزۇچە 1-توم 350-بەت. 66-بابى — «مەنسۇرخان ئوغلى شاھخان» غا قارالسۇن.
يەتتىنچى باب: «قۇتادغۇبىلىك» تە بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە مەسىلە
( قۇتادغۇبىلىك ) — سان-ساناقسىز تۈرلۈك رەڭدىكى قىممەتلىك جاۋاھىرات بىلەن تولغان بىر خەزىنىدۇركى،… ئۈنىچە-مارجان دۆۋىلىرى بىلەن تولغان بىر خەزىنە تاماشىچىسى بىر - بىرىدىن گۈزەل، بىر-بىرىدىن جۇلالىق قىممەت باھا گۆھەرلەر ئارىسىدا قانداق ھەيرەتتە قالىدىغان بولسا، ( قۇتادغۇبىلىك ) خەزىنىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلەرمۇ شۇنداق ھەيرانلىققا قالىدۇ. ئالمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان، ئالسا ئېلىپ تۈگىتەلمەيدىغان بىر ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ.»(۱) «قۇتادغۇبىلىك» — شۇنداق بىر «جاھاننامە» كى، بۇ ئەينەكتە ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندىن تارتىپ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كىشىگىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى كۆرەلەيدۇ، ئىش-ئەمەللىرىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆلچىيەلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ — دۇنيادا ئاز تېپىلىدىغان دانىشمەن، ئۇنى بىزگە ئۇچراپ تۇرىدىغان دانىشمەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى بىلەن خالىغانچە سېلىشتۇرۇپ بولمايدۇ. ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» - تە ئېيتقان ئىبزەتلىك سۆزلىرى ئەينى زاماندىمۇ، ھازىرمۇ، ھۆكۈمرانلار ئۈچۈنمۇ، پۇقرالار ئۈچۈنمۇ ئورتاق ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ھەقىقەت ھەم نەسىھەتتۇر. ئۇنى ئوقۇغان ھەربىر كىشى ئەقىل تەسەۋۋۇرلىرىدىن خىيال شوتىسى ياساپ، ئىستىقبال داستىخىنىغا مېھنەت گۈللىرىنى تىزىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ جاھالەت دەۋرىنىڭ چىراغ ياققۇچىسى ۋە نادانلىق ئەھلىنىڭ رەھىمسىز كۈشەندىسى. جاھالەت ئەھلى ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلسا، سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمەيلا قورقۇنچ ئىچىدە تىترەك باسىدۇ. ئۇ، يورۇقلۇقنىڭ كۈيچىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ ئويغاق سىگنالچىسى.
«لاۋزى» نىڭ يىگىرمە يەتتىنچى بابىدا: «دانىشمەنلەر نادانلارغا ئۇستاز بولغاي، نادانلار دانىشمەنلەرنى ئۇستاز تۇتقاي» دېيىلگەن. پارس شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى: «دانالارنىڭ سۆزىنى ئەستە تۇتمىساڭ، ئەڭ نادان سەندۈرسەن ئۇققىن ئۇقمىساڭ» دېگەنىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ىدە بۈگۈن ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا، بىلىۋېلىشقا ۋە ئەينەك قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. خۇلاسىلىگەندە، تۆۋەندىكىدەك ئالتە مەسىلىگە يىغىنچاقلىنىدۇ.
بىرىنچى، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇش — قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدىغان ھايات مىزاندۇر
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن شانلىق ئىدىيىسى ياۋروپالىقلار قاتتىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان ئوتتۇرا ئەسىردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتكۈل جاھاننى زىلزىلىگە سالغانىدى. ئەمما ئۇ، كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە ھەرخىل ئىجتىمائىي، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەنگلىيىلىك ئالىم فرانس بىكون تەرىپىدىن 500 يىل كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىلىم-كۈچ» دېگەن ھۆكۈمچىلىك داغدۇغا پەيدا قىلالمىدى.
«قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەنلىك
ئادەتتە قانۇندا، كىشلەرنىڭ بەھرىيەنلىنىدىغان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى باراۋەر ھالدا بەلگىلەش ۋە قوغداش، قانۇننىڭ باراۋەرلىكىگە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇننىڭ سىرتىدا ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشقا يول قويماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن شوئار يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن يەتتە ئەسىر كېيىن ياۋروپادا بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
XVIII — XVII ئەسىرلەردە ئەنگلىيىلىك لوك
(Tohn loke, 1632 — 1704) بىلەن فرانسىيىلىك روسسو (Jean Jacques Rousseau, 1712 — 1778) قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بۇرژۇئا مۇتەپەككۇرلىرى فېئودال ئاقسۆڭەك، روھانىيلارنىڭ ئىمتىيازى ۋە ئىلاھى ھوقۇقىغا قارشى ھالدا سىستېمىلىق بولغان «تۇغما كىشىلىك ھوقۇقى نەزەرىيىسى» نى ياراتقاندا، ئەنە شۇ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەننى ئاشۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسى قىلغانىدى. 1789-يىلى فرانسىيىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ «قانۇن بارلىق ئادەملەرگە، مەيلى قوغدىسۇن ياكى جازالسۇن ئوخشاشتۇر. قانۇن ئالدىدا بارلىق گراژدانلار باراۋەردۇر» دېگەننى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. 1791-يىلى تۈزۈلگەن «فرانسىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا، يۇقىرىقى ماددا ئۇنىڭ «كىرىش سۆز»ى قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان قانۇن ماددىلىرى تۈزۈلدى. بۇرژۇئازىيە بۇ شوئاردىن پايدىلىنىپ خەلق ئاممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، فېئوداللىق ئىمتىيازلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ تارىختا ئىلغار رول ئوينىدى. لېكىن ئۇنىڭ سىنىپىي چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ئۇلار تەشەببۇس قىلغان «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم
باراۋەر» دېگەن شوئار ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ۋە ئەمەلىيەتتىكى باراۋەرسىزلىككە يول قويدى ۋە ئۇنى قانات ئاستىغا ئالدى. چۈنكى، بۇرژۇئازىيە چىڭ تۇرغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى — بارلىق باراۋەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مەنبە بولۇپ، بۇرژۇئا قانۇنلىرىنىڭ يادروسى كاپىتالىستىك تۈزۈمدىكى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى مۇقەددەسلە شتۇرۇپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلماسلىقىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداش ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇرژۇئا قانۇنشۇناسلىرىدىن پەرقى، ئۇنىڭ لوك ۋە روسسۇلارغا ئوخشاش زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىپ قېتودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ۋە شۇ ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاھالىلەرنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خام خىيال قىلمىغانلىقىدا. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان چاغدا، دەۋر ۋە سىنىپىي چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئاھالىلەرنى ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگۈچىلەر دېگەن سىنىپىي ئايرىلىشلار بويىچە تۈركۈملىمەي، «ئىدارە قىلغۇچى» ۋە «ئىدارە قىلىنغۇچى» لار دېگەن ئايرىلىشلار بويىچە ئىككىگە بۆلگەنىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قانۇن ئالدىدا ئىشقا ئاشىدىغان ھەممەيلەننىڭ باراۋەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قوزغىلىپ، ئۆزلىرىنى ئېزىۋاتقان كۈچلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشمايدۇ، سىتېخىيىلىك ھالدا تېخىمۇ مەيدانغا كەلمەيدۇ، بەلكى، كۈنتۇغدى ئېلىگكە ئوخشاش ئادىل پادىشاھلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئادىل قانۇنلارنى تۈزۈش ئارقىلىق مەلۇم زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئەسلىمەلەرنىڭ زورلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ بولسا ھۆكۈمرانلىقتۇر. ئادىل پادىشاھ ئەنە
شۇ ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمى ئارقىلىق پادىشاھتىن تارتىپ پۇقراغىچە بولغان ھەممەيلەننىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى گېرەك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ قارىشىدا، بىر قارىماققا دۆلەتنى سىنىپتىن تاشقىرى دەپ قارايدىغان، سىنىپىي زىددىيەتلەرنى كېلىشتۈرمىچىلىك يولى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ غايىۋى جەمئىيەتكە تىنچ يول بىلەن ئۆتۈشنى ئويلايدىغان، مەجبۇرىي ياللانما قۇللۇقنى كىشىلەرنىڭ ئۆز رازىمەنلىكىدىكى ياللانما قۇللۇققا ئايلاندۇرماقچى بولىدىغان «مۇنبەر سوتسىيالىزمى» (2) ئىدىيىسىنىڭ ئامىللىرى باردەك قىلىدۇ؛ بىر قارىماققا ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئاساسلىق ئۆزگىرىشىنى قانۇنشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي ئۆزگىرىشى دەپ قارايدىغان، ئىنسانلارنىڭ قانۇن كۆز قارىشىنى تارىخنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى دەپ ھېسابلايدىغان، ھېچقانداق ئىنقىلابسىزلا، كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىغا تايىنىپ، غايىۋى بىر گۈزەل جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن دەيدىغان «قانۇنشۇناسلار سوتسىيالىزمى» (3) چىلىرىنىڭ تەلىماتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ يەنە بىر قارىماققا، «ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ پرىنسىپلىرى بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان نەرسە ئەمەس»، «ئىسلام دىنى باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ، سوتسىيالىزم بولسا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلى»، «سوتسىيالىزمنىڭ پرىنسىپى — باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىنى چەكلەش، ئىسلام دىنىنىڭمۇ شۇنداق» دەپ ھېسابلايدىغان، ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا تەتبىق قىلىپ، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىدىغان «ئىسلام سوتسىيالىزمى» (4) چىلىرىنىڭ پروگراممىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگىدەك كۆرۈنىدۇ، مەيلى ئۇ قايسىبىر سوتسىيال ئىدىيىۋى ئېقىمىغا ياكى قايسىبىر سوتسولوگنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئوخشاپ قېلىشتىن
قەتئىينەزەر، ئادىل پادىشاھ، ئادىل ھۆكۈمدار قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا ئىلمى سوتسيالىزم جاۋاب بەرگەندەك، ئېزىلگۈچى ئامىنىڭ قوزغىلىپ زالىم پادىشاھلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى ئارقىلىق، دەپ ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلاردا ئەقىل، بىلىم، پەزىلەت ۋە ئەخلاق شەرتلىرىنىڭ ھازىرلىنىشى بىلەن دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئادىل پادىشاھلار مەيلى ئۇ، ئېسىل نەسەپتىن بولسۇن، مەيلى قۇل بولسۇن، ئەقىل، بىلىم، پەزىلەت ۋە ئەخلاقنىڭ يېتىلىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ، ئەقىل، بىلىم، پەزىلەت ۋە ئەخلاقنىڭ يوقلۇقى بىلەن يوقىلىدۇ. ئادىل قانۇننىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يوقىلىشىمۇ ئەنە شۇ تۆت خىلەتكە باغلىق بولىدۇ. قايسى پادىشاھنا مۇشۇ تۆت خىلەت بولۇپ، ئادىل قانۇن تۈزىيەلسە ئادىل پادىشاھ دەپ نام ئالىدۇ. تۆت خىلەتتىن مەھرۇم بولۇپ، خەلققە زۇلۇم قامچىسىنى تەڭلىسە زالىم پادىشاھ دەپ نام ئالىدۇ. ئۇنىڭ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇش لازىملىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسى يەنە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ پۇقرالار ئالدىدىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمرانلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىگە ئۈچتە ئۈچ نىسبەت بويىچە تەڭلىك بەلگىسى قويۇپ، مەجبۇرىيەتسىز ھوقۇق، ھوقۇقسىز مەجبۇرىيەت بولمايدۇ، دەپ قارىغان كۆز قارىشىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ تېئولوگىيىلىك دۇنيا قارىشىدىن روشەن ئاجراپ كېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنقىدىي ۋارىلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
لېنىن: «بىر سىنىپنىڭ يەنە بىر سىنىپنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنىڭ بارلىق مۇمكىنچىلىكى تامامەن يوقىتىلىشتىن بۇرۇن، ئەمەلىيەتتىكى باراۋەرلىك ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ» دېگەنىدى(5). ئۇ، يەنە «تەبىقچىلىكنى يوقاتقاندىلا، بارلىق گراژدانلار قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولالايدۇ» دېگەنىدى(6).
ماركسىزمنىڭ قارىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرىغا بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك يوقىتىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت بەرپا قىلىنغاندىلا، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن گەپ ئاندىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك، گەرچە ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن غايەت زور ئىلغارلىق بولسىمۇ، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان قانۇن جەھەتتىكى بەخت-سائادەتنى زادى مەڭگۈلەشتۈرەلمەيدۇ.
ئېلىمىزنىڭ 1954-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىدا «قانۇن ئالدىدا پۇقرالار باپپاراۋەر» دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، يەنە خەلقنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن سىياسىي ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقى، ھەم باشقا دېموكراتىك ھوقۇقلىرى باشقا ھەرقايسى قانۇنلار ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچرىتىلمايدىغانلىقى ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي جەھەتلەردىن بەلگىلىك تەدبىر ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. 1979-يىلى ئېچىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنى ماقۇللىغان «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» لىرىدا، قانۇننىڭ ھەممە گراژدانلارغا باپپاراۋەر تەتبىق قىلىنىدىغانلىقى، قانۇن ئالدىدا ھەرقانداق ئىمتىيازلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئېنىق بەلگىلەندى. «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدا: «قانۇن ھەممە پۇقراغا باپپاراۋەر تەتبىق قىلىنىدۇ، قانۇن ئالدىدا ھەرقانداق ئىمتىيازنىڭ بولۇشىغا يول
قويۇلمايدۇ» دېيىلگەن. «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» نىڭ 5-ماددىسىدا: «خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئەنزىلەرنى سوت قىلىشتا، قانۇننى ھەممە پۇقراغا، ئۇنىڭ مىللىتىگە، ئىرقىغا، جىنسىغا، كەسپىگە، ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشغا، دىنىي ئېتىقادىغا، بىلىم دەرىجىسىگە، مال-مۈلكىگە، ئولتۇراقلىشىش مۇددىتىگە قارىماي باپپاراۋەر تەتبىق قىلىدۇ، ھەرقانداق ئىتتىپازنىڭ بولۇشىغا يول قويمايدۇ» دېيىلگەن. بۇ ئەيىبكارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورنى، ئىجتىمائىي تەركىبى، سىياسىي تارىخىدا قانداق ئوخشىسانىق بولۇشى، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ياكى ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ دوست-دۈشمەن زىددىيىتىگە ياتىدىغانلىقى قاتارلىقلاردىن قەتئىينەزەر قانۇننى تەتبىق قىلغاندا باراۋەر بولۇش ئۆلچەم قىلىنىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ قانۇنلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشى بولسا، پرولېتارىياتنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغانلىقى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقى ۋە كۆزدە تۇتقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭ 1957-يىلى: «بىزنىڭ قانۇنلىرىمىزنى ئەمگەكچى خەلقىمىز ئۆزى تۈزگەن. ئۇ، ئىنقىلابىي تەرتىپنى ساقلايدۇ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي بازىسنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدايدۇ» دېگەنىدى(7). «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇش - بۈگۈنكى كۈندە سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى. ئۇ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ۋە سىياسىينىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دۆلىتىمىزدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتىلا باركى، قانۇننىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان ياكى قانۇننىڭ شىللىسىغا مىنىۋالىدىغان ئىتتىپازلىق شەخسنىڭ
بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
«قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزدە ئالدى بىلەن پارتىيىنىڭ ئەدلىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيىنىڭ ئەدلىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى سىياسىي جەھەتتىكى رەھبەرلىك بولۇپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇنغا تايىنىپ ئىش كۆرۈش ۋە كادىرلارنى سەپلىشىگە نازارەتچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كونكرېتنى كەسپىي ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگىچە چات كېرىۋېلىپ، تەشكىلىي جەھەتتە بۇيرۇقۋازلىق قىلىشنى كۆزدە تۇتمايدۇ. ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن تەپتىش قىلىش — سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ كونكرېت كەسپىي ئىشى.
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، ئۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىنىپ قېلىپقا سېلىنىپ تۈزۈملەشتۈرۈلۈشمەدۇر. قانۇن تۈزۈلگەنىكەن، ھەممەيلەن رىئايە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ھەتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىمۇ رىئايە قىلىشى كېرەك. ئەگەر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇنلاردا تۈزىتىلىدىغان جايلارنىڭ بارلىقى سېزىلسە، پارتىيە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كونكرېتنى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويا، لايىھە تۈزۈپ چىقىپ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا سۇنسا بولىدۇ. ئەمما، قانۇنلۇق تەرتىپلەردىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىشقا ياكى چاتىقى بولماسلىققا بولمايدۇ.
سوتسىيالىستىك قانۇن - تۈزۈم چىڭ تۇرغان «قانۇن
ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇش — قانۇننى تەتبىق قىلىشقا قارىتىلغان بولۇپ، ھەرگىز قانۇن تۈزۈشكە قارىتىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. «قانۇننى تەتبىق قىلىش» بىلەن «قانۇن تۈزۈش» ھەرگىز بىر ئىش ئەمەس. يۈسۈپ خاس ھاجىپۇ بۇ ئىككىسىنى بىر ئىش دەپ قارىمىغان. قانۇن تۈزگەن چاغدا، ئوخشىمغان سالاھىيەت، ئوخشىمغان ئەھۋال، ئوخشىمغان تەمىناتتىن بەھرىمەنلىنىدىغان ئادەملەرگە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن قانۇننى تەتبىق قىلغان چاغدا، بۇنداق ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى چەتتە قالدۇرۇلۇپ، پەقەت قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەممە كىشىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
مەيلى قانۇننى تۈزۈشتە بولسۇن، مەيلى تەتبىق قىلىشقا بولسۇن ئادىل بولغان مۇقىم ئۆلچەم بولماي، تۇراقسىزلىنىپ تۇرىدىغان بولسا، ئۇنداق قانۇننىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى چوقۇم ياخشى بولمايدۇ. قانۇننى تەتبىق قىلغاندا، خەلق ئاممىسى كۆپرەك «نادانغا بىر توقماق، موللىغا ئون توقماق» ئۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. بۇ ئومۇمىي ھال بولۇپ، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى، قانۇننى بىلمەسلىكتىن خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىغاندا ئېغىرلىتىپ جازالاشقا قارىتىلغان. شۇڭلاشقا، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، قانۇن بويىچە ھەم خەلق رايى بويىچە ئىش كۆرۈپ، «نادانغا بىر توقماق، موللىغا ئون توقماق» ئۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولماي «نادانغىمۇ بىر توقماق، موللىغىمۇ بىر توقماق» بولۇپ قالسا ياكى يۈزسەكسەن گرادۇس بۇرۇلۇپ «نادانغا ئون توقماق، موللىغا بىر توقماق» بولۇپ قالسا، خەلقنىڭ قانۇندىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىدۇ، ئۇ چاغدا سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ ھۇرمىتى ئاجىزلاپ دۆلەتنىڭ تەرتىپى قالايمىقانلىشىدۇ. شۇڭلاشقا
«قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن بۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي پرىنسىپىنى قىلچە بوشاشماي ئىجرا قىلىش — سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن شانلىق ئىدىيىسىگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىشتا، قانۇننىڭ ھەقىقىي نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىتىياز» دېگەن نېمىنىڭ خەتىرىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنغا سالىدىغان تەھدىتىنى ئېنىق كۆرمەي بولمايدۇ. ئالدىنقى بىرقانچە يىللاردا بەزىلەر بولۇپمۇ ياشلار سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمگە گۇمان بىلەن قارىدى، بىزنىڭ قانۇنلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى نامايان قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىدى، قانۇنلىرىمىزنى «ئىتىياز» ئىگىلىرىنىڭ كولدۇرلىتىپ ئوينايدىغان «ئويۇنچۇقى» ۋە تەكچىگە ئېلىپ قويۇلغان «زىننەت بۇيۇمى» كۆردى، ئۇلارنىڭ مۇنداق قىلىشى بىزنىڭ قانۇنلىرىمىزنى كۆزگە ئىلماسلىق ياكى ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش بولماستىن بەلكى، سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزدە مەۋجۇت بولغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىتىياز ئىگىلىرىنىڭ «قانۇن» نى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ بىر خىل ئىنكاسى ئىدى. ئىتىياز — فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ، شۇ جەمئىيەتتە قانۇنلۇق نەرسە دەپ قارىلىدۇ. «تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى» دا، «سەككىز كەڭچىلىك» دېگەن نەرسە بولۇپ، ئۇ، خان جەمەتلىرى، خاننىڭ قەدىناسلىرى، دانىشمەن ۋەزىرلەر، ئىقتىدارلىق زاتلار، كاتتا خىزمەت تۆرسەتكەنلەر، مەرتىۋىلىكلەر، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر ۋە مېھمانلار قاتارلىق سەككىز تەبىقىنى ۋە شۇلار بەھرىمەنلىنىدىغان ئىتىيازنى كۆرسىتەتتى.
سوتسيالىستىك جەمئىيەتتە ئىمتياز مەۋجۇت. ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىمتياز تۈزۈم تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇقەررەرلىك بولماستىن، بەلكى كونا جەمئىيەتتىن سۆرىلىپ بىللە كەلگەن فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ قالدۇقىدىن ئىبارەت. سوتسيالىستىك تۈزۈمنىڭ تەفسىرچىلىرى تارىختىن قېپقالغان مۇنداق رېئال ئەھۋالنى سوتسيالىستىك تۈزۈم دەرھال ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ دەپ قارىمايدۇ، بەلكى، ئۇ، خەلقلەرنىڭ يېڭىچە تۇرمۇش بەرپا قىلىشىغا ياخشى ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا سىياسىتىمىز ۋە قانۇنىمىز ھەرقانداق ئىمتيازنى چەكلەيدۇ، ئۇنىڭ قانۇنغا ئارىلىشىۋېلىشىغا مۇتلەق يول قويمايدۇ.
يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «ھازىر بىز قارشى تۇرۇۋاتقان ئىمتياز سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە قانۇن ۋە تۈزۈمنىڭ سىرتىدا ئىگە بولۇۋالغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئىمتيازچىلىق فېئودالىزمنىڭ قالدۇق تەسىرىنىڭ تېخى تازىلىنىپ بولىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بىزدە كونا جۇڭگودىن قېپقالغان فېئوداللىق - مۇستەبىتلىك ئەنئەنىسى كۆپرەك، دېموكراتىيە - قانۇنچىلىق ئەنئەنىسى بەك ئاز. بىز ئازادلىقتىن كېيىنمۇ خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈملەرنى ئاڭلىق ۋە سىستېمىلىق ئورنىتىپ چىققىنىمىز يوق، قانۇن-تۈزۈملىرىمىز مۇكەممەل ئەمەس، ئۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەتمۇ بېرىلمىدى، ئىمتيازچىلىق گاھىدا چەكلەندى، تەنقىدلەندى ۋە زەربە يېدى، گاھىدا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈردى. ئىمتيازچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىدىيىۋى مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك، تۈزۈم مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىش كېرەك. پۇقرالار قانۇن ۋە تۈزۈم ئالدىدا باپياراۋەر بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا باپياراۋەر بولۇشى كېرەك، ھەممە ئادەمنىڭ
قانۇندا بەلگىلەنگەن باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار، ھېچكىنىڭ ئۆز نەپىسگە چوغ تارتىشىغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەيلى كىم بولسۇن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنداق ئادەمنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە تەھقىقلىشى، ئەدلىيە ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق كىشىنىڭ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاشىلا تۇغدۇرۇشىغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلماي ئەركىن يۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.»(8)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان « پارتىيىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا دائىر بىرقانچە مىزان» دا: « بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىش تەقسىماتىدىلا پەرق باركى، ئېسىل-پەس، قەدىرلىك-قەدىرسىز دېگەن پەرقلەر يوق، ھېچكىم باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان قۇل ياكى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاقسۆڭەك ئەمەس، ھوقۇقۇم ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، دەيدىغان ئىدىيە فېئوداللارنىڭ چىرىك ئىتتىيازلىق ئىدىيىسى، بۇنداق ئىدىيىنى تەنقىد قىلىش ۋە تۈزىتىش لازىم… ھەقىقەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش لازىم. پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ياكى پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ»(9) دېيىلگەن.
ئىتتىيازغا قارشى تۇرۇشتا ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى بۆلۈپمۇ پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىتتىياز مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىش كېرەك.
بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىكى، قانۇن ئەمەلىيىتىدىكى ئىمتىيازى ئەدلىيە خىزمىتىگە ئىنتايىن يامان تەسىر بېرىدۇ. بەزىلەر ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، دەسمايسىنىڭ كۆپلۈكى، تۆھپىسىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئۆزىنى ھەممىدىن يوغان تۇتىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىنلا بەھرىمەن بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمايدۇ، ئۆزىنى «ئالاھىدە پۇقرا» دەپ قارايدۇ. بەزىلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ، بەزىلىرى ئوغۇل-قىز، ئۇرۇق-تۇغقان، قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قانات ئاستىغا ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلىرىنى قوللايدۇ. بەزىلىرى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئاشكارا ھالدا بېسىم ئىشلىتىپ، مۇددىئاسىنى تېڭىپ ئۇلارنى قانۇن بويىچە ئىش قىلدۇرمايدۇ، بەزىلەر، قول ئاستىدىكىلىرىدىن قىلىشقا بولمايدۇ دەپ تەلەپ قىلغان ئىشلاردىن ئۆزىنىڭ قىلىپ قويغىنىنى ھېچقانچە ئىش ئەمەس دەپ قارايدۇ.
يۇقىرىدا كۆپ جايدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت باشلىقلىرىنى، يەرلىك ئەمەلدارلارنى قانۇننى ئىجرا قىلغاندا ئاڭلىق بولۇشقا، ئادىل بولۇشقا، ئىشلارنى ئادالەتلىك بىلەن ھەل قىلىشقا، ھېچكىمنى بەگ ۋە قۇل دەپ ئايرىماسلىققا، ئادالەتنى كەم بولسا بولمايدىغان قانۇن ئۆلچىمى دەپ قاراشقا ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭ قانۇن ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدىن قارىغاندا، ھوقۇقىدىنلا بەھرىمەن بولۇپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمايدىغان، ئۆزىنى ئالاھىدە « پۇقرا » دەپ قارايدىغان ھۆكۈمراننىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قوللايدىغان، قانات ئاستىغا ئالىدىغان، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، مۇددىئاسىنى تېئىپ ئۇلارنى قانۇن بويىچە ئىش قىلدۇرمايدىغان ئەمەلدارلارنى قاتتىق
جازاغا تارتىدۇ.
«يۈسۈپ خاس ھاجىنىڭ بۇ ئىدىيىسى بىزنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش كۆز قارىشىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىز چوقۇم قانۇننى ئىجرا قىلىش داۋامىدا بۇنى ئەينەك قىلىشىمىز لازىم.» (10) ئېلىمىزنىڭ قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇش دېگەن ئۆلچەم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭمۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىغا داۋاملىق قاتتىق تەلەپ قويۇش — پارتىيىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. «قاتتىق تەلەپ قويۇش» دېگەننى ئوخشاشمىغان ئوبيېكتلارغا تەقسىم قىلغاندا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، تۆۋەندىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە يۇقىرىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇش دەپ ئۈچكە بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاسان ئىشقا ئاشىدىغىنى — تۆۋەندىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇش. ئەڭ تەستە ئىشقا ئاشىدىغىنى — ئۆزىگە ۋە يۇقىرىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتۇر. تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن بەزى ئادەملەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، تۆۋەندىكىلەرگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. لېكىن يۇقىرىدىن كەلگەن توسالغۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويالمايدۇ. بەزى ئادەملەر ھەتتا ئىنتىزام ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان خادىملار تۇرۇقلۇق يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭ سىياسەت، قانۇن، ئىنتىزاملارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمايدۇ. ئايرىم رەھبەرلەرنىڭ يوليورۇق ۋە مۇددىئالىرى تۈزۈم، سىياسەت، قانۇن، ئىنتىزاملار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان چاغدا پرىنسىپ بىلەن سودىلىشىدۇ ياكى چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەق گەپتىن كېچىدۇ. لېنىن: «قانۇن-تۈزۈم گرۈزىيە ئۆلكىسىدە بىر خىل، قازان ئۆلكىسىدە يەنە بىر خىل بولۇپ قالماسلىقى بەلكى پۈتۈن روسىيىدە، ھەتتا پۈتكۈل سوۋېت فېدېراتىپ رېسپۇبلىكىسىدا
بىر خىل بولۇشى لازىم» (11)، « تەپتىش مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ بىردىنبىر ھوقۇقى ۋە جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ھەرقانداق جاينىڭ پەرقى بىلەن ھېسابلاشمىغان، ھەرقانداق جاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھالدا، پۈتكۈل رېسپۇبلىكىدىكى قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ھەقىقىي يۈسۈندا بىر خىللاشقان-بىرخىللاشمىغانلىقى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش بولۇشى كېرەك… ئەگەر بىز پۈتكۈل فېدېراتىپتا بىر تۇتاش قانۇن-تۈزۈم بەرپا قىلىشتا كېرەك بولىدىغان مۇشۇنداق ئەڭ ئەقەللىي شەرتنىمۇ قەتئىي ئادا قىلالمىساق، ئۇنداقتا، قانداقتۇر مەدەنىي تۈزۈمنى قوغداش ۋە مەدەنىي تۈزۈمنى بەرپا قىلىش دېگەنلەر ئۈستىدە زادى گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ » دېگەنىدى (12). قانۇن — مۇقەددەس، « قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر » بولۇش — قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدىغان ھايات مىزانىدۇر. سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ ھۈرمىتىنى ساقلاپ، قانۇننى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئاممىسىنىڭ مۇستەھكەم قانۇن كۆز قارىشىنى تىكلەش، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىياز ئىگىلىرى باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان خادىملار « ئۆزىنى تۈزەش » بىلەن « باشقىلارنى تۈزەش » نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر ياقلىق قىلىش لازىم، شۇ چاغدىلا سوتسىيالىستىك قانۇندا بەلگىلەنگەن « قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر » بولۇش دېگەن پرىنسىپ ھەقىقىي يوسۇندا ئىشقا ئاشىدۇ.
ئىككىنچى، دۆلەت بىلەن يارىشىش، ئۇنىڭغا بولۇشۇش، ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكە شىمەسلىك — پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان قاتتىق مەجبۇرىيىتىدۇر
قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، دۆلەت
بىلەن يارىشى، ئۇنىڭغا بولۇشۇش، ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكەشمەسلىك — پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان قاتتىق مەجبۇرىيىتىدۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» تە: «قەيەردە دۆلەت بېشى كۆتۈرۈلسە، ئۇنىڭغا بولۇشۇش، ئۇنىڭ بىلەن يارىشى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكەشمەسلىك كېرەك. ئەگەر ياراشمىسا، دۆلەت ئېشىنى زەھەر قىلىدۇ» دېيىلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپچە بولغاندا، ھەرقانداق ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىدىن ئورۇنداشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشى — ھۆكۈمدارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ھۈرمەت قىلىپ ئۇنى ئەزىز بىلىش، پەرمان قانداق بولسا ئۇنى شۇ يېتى تېز ئىجرا قىلىش؛ خەزىنە ھەققىنى توسماي دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇش يەنى ئەسلىدە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش؛ ھۆكۈمدارنىڭ ياكى دۆلەتنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن، دوستىغا دوست بولۇش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. شۇڭلاشقا «قۇتادغۇبىلىك» تە ئالاھىدە قىلىپ: «ئەل بېگى — خەلقنىڭ ئۇلۇغىدۇر، ئۇنىڭغا پۈتۈن خەلق ھۈرمەت بىلدۈرگۈلۈك ۋە ئېھتىرام قىلغۇلۇقتۇر. بەگ يارلىقى پۇقراغا ۋاجىپتۇر، ئۇنى چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قەدىرلەپ تۇتمىقى لازىمدۇر» دېيىلگەن.
قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمئىيىتىدىكى ھەدەپ ئۇلغىيىۋاتقان تەسەۋۋۇرچىلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خانلىققا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانلىرىنى ئەنە شۇ زاھىدنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق تولۇق كۆردى. دېمىسىمۇ، دۆلەتتىكى ھەممە كىشى ئۆزى قىلىۋاتقان ھەر خىل تىرىكچىلىك كەسىپلىرىنى تاشلاپ، يالغۇز ئىبادەت بىلەنلا بولۇپ كەتسە، ئەلنىڭ كۆزى بىر يولىلا تائەتكە چۈشۈپ، ئىشلەپچىقىرىدىغان كىشى بولماي، دۆلەتنىڭ سېلىقى ئېغىرلاپ مالىيە كۈچى ئاجىزلاپ، خەزىنىلەر قۇرۇقدىلىپ قالاتتى. بۇنىڭ بىلەن خەلق نامراتلىشىپ كېتەتتى،
بۇ دۆلەت ئۈچۈن چوڭ بىر ئاپەت ئىدى، شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ كەيپىياتنىڭ خانلىقتا قاتتىق يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىككى جەھەتتە جىددىي تەدبىر قوللىنىدۇ. بىرىنچىدىن، تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ توغرا ئەقىدە ئەمەسلىكىنى، ھەممىلا ئادەم بۇنىڭغا بېرىلىپ كەتسە، تائەت-ئىبادەتنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى، خۇدا تائىتىنىڭ بولسا يېپىقلىق بولۇپ، بۇنچىۋالا داغدۇغا بىلەن ئاشكارا قىلماسلىقىنى پەرمايىش سۈپىتىدە ئەلگە جاكارلايدۇ. ئۇ: «ئەل كۆزى بىر يولى تائەتكە چۈشسە، بۇ تائەت بۇزۇلغاي، ئۇلى يىقىلغاي»، «خۇدا تائىتى يېپىقلىق كېرەكتۇر. بۇ بۈگۈنمۇ شۇ پېتى ئەلگە سىر بولسۇن»، «خۇدا سۆيۈملۈك قۇلنى يوشۇردى، بۇ قۇللار خەلق ئالدىدا تونۇلماس»، «ئۇ قۇلمۇ ئۆزىنىڭ خۇداغا يېقىن ياكى يېغىلىقىنى ئۆزىمۇ بىلەلمەس» شۇڭا «خەلق ئۇنى بىلمىسۇن» دەيدۇ. ئىككىنچىدىن، زاھىدلارغا «مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسىنى دەپ» جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان ھەرقايسى گۇرۇھ، قاتلاملار بىلەن ئارىلىشىپ قويۇق مۇئامىلىدە بولۇشنى بۇيرۇيدۇ ھەمدە «ھالال مال تېپىپ ئۆزىنى توبۇندۇرۇش»، «ئاچ-يالىڭاچلارغا ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەك بېرىش»، «ھۆكۈمدارنىڭ ئەمرىنى ۋاجىپ» بىلىپ، دەرھال «تاغدىن شەھەرگە قايتىپ كېلىپ خەلق بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش»، «ھۆكۈمدارنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن، دوستىغا دوست بولۇش»، «دۆلەتكە بولۇشۇش، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىش، ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكەشمەسلىك» لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت تەلىماتىدىكى يۇقىرىقى بايانلىرى ئەينى زاماندىلا ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماستىن بەلكى بۈگۈنكى يېڭى دەۋردىمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىك. پارتىيىمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا جاھاندىكى بارلىق
ئېزىلگۈچى مېھنەتكەشلەرنى ئازاد قىلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت-سائادەت يارىتىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى قىلغانىدى. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز خەلقى سوتسىيالىزمنى بىردىنبىر ماڭىدىغان يول، كومپارتىيىنى بىردىنبىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە دەپ ھېسابلىدى. بۇ ئېلىمىزدىكى قايسىبىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يالغۇز تاللىۋېلىشى بولماستىن، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تاللىۋېلىشى ئىدى. 40 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، كومپارتىيە رەھبەرلىكى بولمىسا سوتسىيالىزمنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، سوتسىيالىزم بولمىسا خەلقنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. خەلق ئاممىسى كومپارتىيىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى رەھبەرلىك قىلغۇچى يادرو كۈچ ئىكەنلىكىنى، رەھبەرلىكنىڭ بولسا ھاكىمىيەت شەكلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەگەر پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئايرىلىپ قالسا، رەھبەرلىك قىلىشتىن گەپ ئاچالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندى. خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆز تەقدىرىنىڭ پارتىيە، دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن، ئەمىر-پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇدى. دۆلەت دۈشمەن كۆرگەننى دۈشمەن كۆرۈش، دۆلەت دوست ھېسابلىغاننى دوست دەپ تونۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتىنى بىلگەن بولسا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتمۇ ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئاممىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھاكىمىيەت كۆز قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى بارغانسېرى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈپ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى
چوڭقۇر ھېس قىلدى. قىسقى، بۇ 40 نەچچە يىل جەريانىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بېلىق بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز قويۇقلىشىپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالغا كەلدى. بىز ھازىر چىڭ تۇرۇۋاتقان سوتسيالىزم دېگەن ئاتالغۇنى دۇنيادا ئەڭ ئاۋۋال ئىتالىيە روھانىيلىرى ياۋروپادا قوللانغان. ئۇ چاغدا ئۇنى ئۇلار « تەڭرى ئىنسانىيەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن رىۋايەتتە رىۋايەت قىلىنغان تۈزۈم» دەپ ئاتىغانىدى. كېيىن بۇ تەبىر پرولېتارىياتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى بىلەن زىچ بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سىياسىي مەنىسىنى تاپتى. 1944-يىلى ئەرەب مۇسۇلمان ئەللىرىدىن سۈرىيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئافراك بىلەن بىتارلار « ئەرەب مىللەتچىلىرىنىڭ كوممۇنىزمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى» دېگەن كىتابىدا، ئەرەب سوتسيالىزمى دېگەن ئاتالغۇنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويدى. 50-يىللاردا ئەرەب سوتسيالىزمى بىر قىسم ئەرەب ئەللىرىنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىسىر، لىۋىيە، سۇدان، ئالجىرىيە، تونس، سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوخشاشمىغان ئەندىزىلەر بويىچە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. 1944-يىلى دۇنيا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ نەزەرىيىچىسى گوھانزال « ئىسلام دىنى ۋە سوتسيالىستىك تۈزۈم» دېگەن كىتابىدا، ئىسلام سوتسيالىزمى دېگەن ئاتالغۇنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويدى. 1959-يىلى بۇ ئىتتىپاقنىڭ رەھبىرى سافايى « ئىسلام سوتسيالىزمى» دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ بىر يۈرۈش نەزەرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. دۇنيادا مەيلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن، مەيلى دىننىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن، ئۇنىڭ خېلى كۆپىنچىلىرى ئەينى زاماندا سوتسيالىزمدىن
ئىبارەت بۇ يولنى تاللىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ھەم سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. 1951-يىلى قۇرۇلغان سىرىلانكا ھۈرلۈك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بەنداناراك بۇددىست بولغاچقا، بۇددا دىنىدىكى «جاندارلارنى ئۆلتۈرسە گۇناھ بولىدۇ» دېگەن ئەقىدىگە ئەمەل قىلىپ، ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئورنىتىشنى راۋا كۆرمىسىۋ، «ئەگەر كوممۇنىزمغا كىمدە-كىم قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولىدىكەن، بۇدساتۋا بىر كۈنى غەزەپكە كېلىپ، ئالەمنى پارتلىتىپ كۈمپەيكۇم قىلىۋېتىدۇ… كاپىتالىزم دۇنياسى ھازىر سول تەرەپكە بۇرۇلماقتا، ئوتتۇرىدىكى يول ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇ بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى ئىنسانغا زاھىر بولىدۇ» دەپ قارىغانىدى.
«قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېكسپىلاتاتسىيە يوقالغان»، «قوي بىلەن بۆرە بىر يەرگە كېلىپ سۇ ئىچەلەيدىغان» جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى كۆز قاراشلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئالدى بىلەن بىز مېڭىۋاتقان سوتسىيالىزم يولى بىلەن بىز چىڭ تۇرۇۋاتقان كومپارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئارزۇ قىلغان يول ۋە رەھبەرلىك ئىكەنلىكىنى زامان نۇقتىسىدىن شەرھلەپ، ئۇنى ئالدى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىغا ۋە دىن ئەھلىگە بىلدۈرۈش لازىم. دىنىي ئۆلىمالار «قۇرئان»، «ھەدىس» لەردىن مەلۇم خۇلاسە ياكى ئايرىم قائىدىلەرنى يادلىۋالسا، «سۈرە پاتمە» دىن تارتىپ «سۈرەناس» قىچە ھەممىسىنى شارىلداپ ئوقۇپ بېرەلسە، ئەمما ئۇنى سوتسىيالىستىك دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا توغرا نىيەتتە تۇرۇپ ئەتراپلىق تەتبىق قىلىپ بېرەلمىسە، ئۇنداق كىشىنى دىنىي ئۆلىما دېگىلى بولامدۇ؟ بىزگە قانداق دىنىي ئۆلىمالار كېرەك؟
بىزگە شۇنداق دىنىي ئۆلىمالار كېرەككى، ئۇلار ئالدى بىلەن «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردىكى «پادىشاھلارنىڭ ئەمرىنى تۇتماقلىق ۋاجىپ» دېگەن ئايەت، سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي يېشىپ بېرەلەيدىغان، زامانغا لايىق تەتبىق قىلالايدىغان، ھازىرقى «پادىشاھ» لىرىمىزنىڭ زالىم «پادىشاھ» لاردىن ئەمەس، بەلكى «ئادىل پادىشاھ» لاردىن ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇپ پەرق ئېتەلەيدىغان ھەم ئۇنى مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ئىقرارتىلى، تەستىق دىلى بىلەن ئۇقتۇرۇپ چۈشەندۈرەلەيدىغان بولسۇن، ئۇلار كونسېرۋاتىپلىققا مەھكەم ئېسلىۋالىدىغان مۇسۇلمان رادىكاللىرىدىن ئەمەس، بەلكى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىدىغان مۇسۇلمان تەرەققىييەرۋەرلىرىدىن بولۇپ، «گۇناھ» بىلەن «ساۋاب» نىڭ ئۇقۇملىرىنى تار دائىرىدە رادىكال چۈشەنچە بىلەن ئەمەس بەلكى كەڭ دائىرىدە تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بىلەن شەرھلىيەلەيدىغان بولسۇن. بىزگە شۇنداق خەلق كېرەككى، ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ «ئەۋزەلدۇر دىنسىزنىڭ ئادالىتى بىل. دىندار شاھ زالىمنىڭ قانلىق زۇلمىدىن» دېگەن نەسىھىتىنى دائىم ئېسىدە ساقلايدىغان، ئەزكىن ئازادە ياشاپ باشقا مىللەتلەر بىلەن تەڭ قاتاردا ئورتاق گۈللىنىش پۇرسىتى يارىتىلغان بۈگۈنكىدەك ئالتۇن دەۋردە، ھۇرۇنلۇق، تىرىكتاپلىقنى تاشلاپ ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قورسىقى تويغاندىن كېيىن قۇرۇق لاپ ئۇرۇپ، پىتنە-پاسات تېرىپ، غەيۋەت-شىكايەت قىلماي، بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنىپ ئۆزلىرى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان زامانىۋى كىشىلىرىدىن بولسۇن. مۇشۇنداق قاراشنىڭ ئۆزىلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت، پۇقرالار توغرىسىدىكى دانا ھۆكۈملىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، زامانغا
لايىق، خەلققە زەرەرسىز، دۆلەتكە پايدىلىق، ئىستىقباللىق توغرا پىكىر ھېسابلىنىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەلىماتى بويىچە، دۆلەت ئۆزىگە بولۇشقانلارنى، ئۆزى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ياراشقانلارنى قارشى ئالىدۇ، ئۇنىڭغا نېمەتلەر بېرىدۇ. ئۆزى بىلەن ئۆچەكەشكەنلەرنى ۋە ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى باستۇرىدۇ. ماركسىزمچە دۆلەت تەلىماتىمۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ. ئېلىمىزدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، سوتسىيالىزمغا، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان كوممۇنىستىك پارتىيىگە، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا بولۇشقانلار، ئۇلار بىلەن ياراشقانلار بىزنىڭ دوستىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكەشكەن، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ھېسابلىنىدۇ. پۇقرالار دىنغا ئىشەنسىمۇ بولىدۇ، ئىشەنمىسىمۇ بولىدۇ. دۆلەت پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى قوغدايدۇ. دىنغا ئىشەنمىسە ئىشىنىشكە زورلىمايدۇ، ئىشەنسە كەمسىتمەيدۇ. دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزسا، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزسە، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلسا، دىنىي تەشكىلاتلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنسا ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، توپ مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا بىر چەكلەش سىزىقى سىزىلغان بولۇپ، توپنى شۇ سىزىق ئىچىدىلا ئويناشقا بولىدۇ. ئەگەر توپ سىزىقنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتسە، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىق بولۇپ، تېرىنېر دەرھال ھۆكۈم قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا توپ ئۇرۇۋاتقان تەرەپنىڭ توپقا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقىنى بىكار قىلىدۇ ۋە توپنى قارشى تەرەپكە بۇيرۇپ ئېلىپ بېرىدۇ. توپ ئويناش ھەرىكىتىدە قايسى ئەھۋالنىڭ ئۈنۈملۈك، قايسى ئەھۋالنىڭ ئۈنۈمسىز،
قايسىنىڭ نىزامغا مۇخالىپ، قايسىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا ھەر خىل بەلگىلىملەر تۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىلىشۇاتقان ئىككى تەرەپنىڭ قائىدىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ قىلىشنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن بىرنەپەر ئادىل تېرىنېر تەيىنلىنىدۇ.
تەنتەربىيە پائالىيىتى چەكلەش سىزىقى، قائىدە-نىزام ۋە ھۆكۈملەرگە موھتاج بولغاندەك، ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش، كۈندىلىك تۇرمۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىمۇ بەلگىلىك چەكلەش سىزىقى، قائىدە - نىزام ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىغا موھتاج، بۇ چەكلەش سىزىقى - ئىنسانلار ھەربىكىتىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى خىلاپ ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان سىزىقتۇر. بۇ قائىدە-نىزام ھەرخىل، ھەر تۈردىكى قانۇن-نىزاملاردۇر. بۇ ھۆكۈم قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرى (ئېلىمىزدە ئاساسلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، سوت، تەپتىش، ئەدلىيە، مەمۇرىي، خەلق ئىشلىرى، تامۇزنا، باج، مۇپەتتىش، سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى قاتارلىقلار)دۇر. كىشىلەرنىڭ ھەربىكىتى قانۇن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن چەكلەش سىزىقىدىن چىقىپ كەتسە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئورگان قانۇنىي بەلگىلىملەرگە ئاساسەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. خەلق تۇرمۇشىنى تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپلىك ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر جەمئىيەت قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش زۆرۈردۇر. بۇ جەمئىيەت قائىدىسى - قانۇندۇر. ئەكسىچە بولغاندا، جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئىنسانلار خاتىرجەم بولالمايدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇن بىلەن ئالاقىسى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
قانۇن بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىگە ماكرولۇق ۋە مىكرولۇق جەھەتتىن قارالسا بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئوبدان ئايدىڭلىشىدۇ.
ماكرولۇق جەھەتتىن ئېيتقاندا، يازما قانۇن ئىنسانلانىڭ تۇنجى سىنىپىي جەمئىيىتى بولغان قۇللۇق تۈزۈمى دەۋرىدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قانۇنلىرى فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ قانۇنلىرىغا، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ قانۇنلىرى كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ قانۇنلىرىغا تەرەققىي قىلغان. XX ئەسىردىن كېيىن سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ قانۇنلىرى بارلىققا كەلدى. قانۇننىڭ مەزمۇنلىرى بارغانسېرى بېيىدى، تېخىمۇ كونكرېتلاشتى. ئىنسانىيەتنىڭ سىنىپىي جەمئىيەت تارىخى ئەمەلىيەتتە قانۇن-تۈزۈم تەرەققىيات تارىخىدۇر.
ماكرولۇق، توغرا لىنىيىلىك، كەڭلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى بار. پۈتۈن يەر شارىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقى ھەتتا پۈتكۈل ئالەم قانۇن بىلەن ئالاقىدار بولۇغلۇق. ھازىرقى زاماننىڭ قانۇنلىرى ئۆز ئەل قانۇنىدىن يات ئەل قانۇنىغىچە، دېڭىز ئاستى بايلىق مەنبەسى قانۇنىدىن ئاۋىئاتىيە قانۇنى، ئالەم بوشلۇقى قانۇنىغىچە تەرەققىي قىلدى. قىسقىسى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن تەبىئىي مۇھىت ھەتتا ئالەم مۇھىتىغىچە تەرەققىي قىلىپ، ئۇ تەتبىق قىلىنمايدىغان ھېچقانداق يەردە ھېچنېمە قالمىدى.
مىكرولۇق نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسان تۇغۇلغاندىلا پۇقرالىق سالاھىيىتى بىلەن تۇغۇلۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بوۋاق چوڭ بولۇپ ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن، مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈش ھوقۇقى
ۋە مەجبۇرىيىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 18 ياشقا يەتكەندە سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ. بۇ چاغدا سايلام قانۇنى ۋە ھەربىي خىزمەت قانۇنى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئوغۇللار 22، قىزلار 20 ياشقا كىرگەندە نىكاھلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، نىكاھ قانۇنى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەملەر ياشلىق، قىرانلىق ۋە قېرىلىق دەۋرلىرىدە كۆپرەك ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار، ئىقتىسادىي، مۇھىت ئاسراش، ئەمگەك قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. دەم ئېلىش يېشىغا يەتكەندە دەم ئېلىشقا ئائىت قانۇن - نىزاملار بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
قىسقىسى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتى مۇئەييەن قانۇن-نىزام دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. دۆلەت قانۇن بىلەن، قانۇن دۆلەت بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، قانۇن پۇقرالار ئارىسىدا، پۇقرالار قانۇن ئارىسىدا ياشايدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلىمىزدە مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى بىرلىشى جۇڭگونىڭ كونكرېتنى تارىخ شارائىتى سەۋەبىدىن مىللىي بۆلۈنۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى باراۋەرلىك ئاساسىدا بىرلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە مۇشۇنداق بىر دۆلەتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش — ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي بۇرچىغا ئايلاندى ۋە ئايلانماقتا.
ئەمما تۇرمۇش ھەيۋەتلىك چوڭ بىر سىمفونىيىگە ئادەم ئۇنىڭ ئوخشىمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالغان سازچىسىغا ئوخشىغاچقا، سىمفونىيىنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە
مۇرەككەپ بولۇش سەۋەبىدىن دىرىژور دىرىژورلۇق تايىقىنى ھەرقانچە قىلىپ، دانالىق بىلەن ھەر ياققا شىلتىسىمۇ تارىدىن ھامان بەزىبىر غەلىتە ئاۋازلار چىقىپ تۇرىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ رايىغا ھېچنېمە ياقمايدۇ، بۇ خىل ئادەملەر ئۆزىنىڭ قىيپاش-قىڭغىر قاراشلىرىنى تۈزلۈك ۋە دورۇسلۇقنىڭ ئورنىغا دەستىدۇ، مەلۇم جەھەتتە گەۋدىلىك كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدۇ، ئۇلار خۇددى X I X ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىدە مەيدانغا كەلگەن كانتىئىزم تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىغا قويغان « ئېتكا سوتسيالىزمى » (13) دىكىگە ئوخشاش ھەممىنى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇلار يۈزەكى مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ماھىيەتنى كۆرمەيدۇ، قىسمەنلىكنى ئومۇملۇققا ۋەكىل قىلىۋالىدۇ، تارماق ئېقىمنى كۆرۈپ ئاساسىي ئېقىمنى كۆرمەيدۇ، بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ يىراقنى كۆرمەيدۇ. كرىزىسنى كۆرۈپ ھاياتلىقنى كۆرمەيدۇ، قىسقى، ئۇلار ھە دېگەندە زاماننى ئەيىبلەيدۇ، ئەيىبلىنىدىغان نەرسىنىڭ زامان ئەمەس بەلكى زامانىمىزدا پاشاۋاتقان بەزى ئادەملەرنىڭ بەزى يامان قىلىقلىرى ئىكەنلىكىنى بولسا ئۇنتۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئىدېئالىستىك ئىدىيە، مېتافىزىكىچە مەسىلىگە قاراش ناھايىتى ئېغىر ئورۇن ئالغان، ماددا قارىشى، دىئالېكتىكىلىق تەھلىل كەمچىل.
جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرەپلىرى كۆپ. ئەمما ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەنىلا يورۇقلۇق تەرەپ، بىلىش كېرەككى، بىزنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرەپنى پاش قىلىشىمىز ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش، كىشىلەرنى شۇ يامان ئىللەتتىن يىرگەندۈرۈپ، توغرا يولغا باشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ — ئەلۋەتتە.
ئۈچىنچى، ھۆكۈمزانلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ بۇزۇلۇشى — بارلىق « بۇلغانۇق » لارنىڭ بىردىنبىر ئىچكى مەنبەسىدۇر
جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ بۇزۇلۇشى ئالدى بىلەن ئوردا ئەھلىنىڭ بۇلغىنىشىدا يەنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. چىرىكلىشىش بولسا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، قاقتى-سوقتى قىلىش، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ئاخباراتلارنى سېتىش قاتارلىقلاردا گەۋدىلىنىدۇ. چىرىكلىشىش ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولماستىن، بەلكى ھەرقانداق بىر سىنىپىي جەمئىيەتتە، ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ياكى ھەرقانداق بىر مىللەتتە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مەۋجۇت ھادىسە. ئۇنىڭ پەرقى پەقەت چىرىكلىشىشنىڭ دائىرىسى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا بولىدۇ.
ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چىرىكلەشكەن ۋاقتى ئۆممۈۋىلەر خەلىپىلىكى ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ مەلۇم دەۋرلىرى بولغاندەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزەرىدىكى چىرىكلىشىشنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغان ۋاقتى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان دەۋرلىرى بولدى. بۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدە پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دىيانەتلىك ئەمەلدارلار بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مەسخىرە قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، بۇ دەۋردىكى چىرىكلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ شۇنداقلا قىممەت كۆز قارىشىنىڭ تېز ئۆزگىرىش ياسىشى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر خىل ئاجىزلىقنىڭ سىتېخىيىلىك ھالدا بالقىپ چىقىشى دەپ ھېسابلىغان. چۈنكى، ئۇنىڭچە بولغاندا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئادىل، ئاق كۆڭۈللۈك تەرىپى ھەم ساختا، رەزىللىك، بىرەھىملىك تەرىپى بولىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن، جامائەت ھوقۇقىدىن بەھرىمەنلىنىدىغان شەخسى كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ، ھوقۇقنىڭ چىرىشچانلىقى بىلەن تاجاۋۇزچانلىقى ھۆكۈمەت خادىملىرىدا ئۆزىنىڭ خىزمىتى ياكى ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ، كەسكىن قىلىپ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى دۆلەتتە يۈز بېرىدىغان ئىسيان، غەلۋە-غەليان ۋە توپىلاڭ (بۇلغانۇق) لارنىڭ بىردىنبىر ئىچكى مەنبەسى دەپ قارىغان ھەم چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى چەكلەشنىڭ بىر يۈرۈش سىياسىتى ۋە تەدبىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل باش قاتۇرغان. بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمۇن كىتابىمىزنىڭ 4-بابىدىكى قانۇن بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سەھىپىدە بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە جىق توختالمايمىز. توختىلىدىغىنىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ زامانىدىكى چىرىكلىك بىلەن گەرچە مەنبە جەھەتتە ئورتاقچىلىقى بولسىمۇ لېكىن مۇھىت، ۋاقىت ئورتاقچىلىقى بولمىغان زامانىمىزدىكى چىرىكلىك ھادىسىلىرى، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى، ئۇنى تۈگىتىش ۋە چەكلەشكە دائىر ھاكىمىيەت، ھوقۇق، مەنپەئەت، ئىمتىياز ۋە تەدبىر قاتارلىق تومۇرداش مەسىلىلەردۇر. بۇ مەسىلىلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋە بىزنىڭ دېمەكچى بولغان مۇددىئايىمىزنىڭ بىردىنبىر جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە كىشىلەرنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا بولغان قارىشى ئىككى خىل ئىدى. بىرى، ئەمەلدار
بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى پۇقرالارنىڭ غېمىنى يەپ، كىيىم-كېچىكى پۈتۈن، قورسىقىنى توق قىلىشقا سەرپ قىلىش؛ يەنە بىرى، پۇقرانىڭ شىللىسىغا مىنىپ قاقتى - سوقتى قىلىپ ئۆز يېنىنى چىڭداش. ئالدىنقىلار ئۆلگەندىن كېيىن ياخشى نام قالدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىگە دۇئا قىلىشىنى تىلسە، كېيىنكىلەر ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ دۇنيادىلا راھەت - پاراغەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۆزلەيتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان ئۇ زامان بىلەن بىز ياشاۋاتقان بۇ زاماننى فورماتسىيە جەھەتتىن سېلىشتۈرۈشقا ئىمكان بولمىسۇ، ئەمما ھوقۇقى بارلارنىڭ قولىدىكى ھوقۇقلىرىدىن خالىغانچە بەھرىمەنلىنىشتەك بۇ ھادىسە ھازىرمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت.
ھازىرقى زاماندىكى ناھايىتى ئاز سانلىق بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ھېسابسىز ئاچكۆز بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولغان دېيىشكە بولىدۇ. ئاچكۆزلۈك — ھوقۇققا، نام-ئاتاققا، شان-شەرەپكە، مال-دۇنياغا ۋە جىنسىي تەلەپكە بولغان كۆزى ئاچلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى تويماسلىقتۇر. بۇ ئالدى بىلەن قولىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بەھرىمەنلىنىش، ھوقۇقىنى پۇلغا سېتىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يېيىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئويناشتا، كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، پارا قوبۇل قېلىش، سوۋغا-سالام ئېلىش ۋە قاقتى-سوقتى قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «ئاچكۆز ئادەمنىڭ كۆزى ئېتىلمەس بىر تۆشۈكتۇر. كۆزى ئاچ كىشى تويماس كېلىدۇ، ئاچكۆزگە بۇ دۇنيانىڭ (بارلىق) ئاش-تامىقى يەتمەيدۇ. ئاچكۆزلۈك — داۋاسى يوق بىر كېسەلكى، ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ تېۋىپلىرىمۇ ساقايتالمايدۇ. ئاچ كىشىلەر يەپ-ئىچسە
(ئاخىر) تويىدۇ، كۆزى ئاچ كىشى ئۆلگەندىلا ئاندىن تويىدۇ.» دېگەنىدى. غەربىي خەن دەۋرىدىكى ئاتاقلىق سىياسىئون ۋە مۇتەپپەككۇر جايى: « پارىخور ئەمەلدار مال-دۇنيانى دەپ ئۆلىدۇ، باھادىر نام-ئاتاقنى دەپ ئۆلىدۇ، ھوقۇق مەستانىلىرى تاجنى دەپ ئۆلىدۇ، ھېچنېمنى دېمەيدىغانلار ئۆلمەي ھايات تۇرىدۇ» دېگەن (14). پارىخور ئەمەلدارلار ھوقۇقتىن كېلىدىغان پايدا ۋە ئەيش - ئىشرەتنى، ئۆزىنىڭ قانائەت بىلەن باسالمايدىغان نەپسىنى قوغلىشىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن قانداق نام قالدۇرۇشنى ئويلىمايدۇ. ئەكسىچە يەنە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار باركى، ئۇلار مال-دۇنيا، نام-شۆھرەت قوغلاشمايدۇ. ئولتۇرسا-قوپسا خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، ئۆلگەندىن كېيىن ياخشى نام قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ. سۇڭ دەۋرىدىكى قانۇنشۇناس باۋچىڭ: « ئوغرى بەگلەرنى ئىشقا قويماسلىق ھەققىدە ئۆتۈنۈش» تە: « دىيانەتلىك ئەمەلدارلار پۇقرانىڭ ئۆلگىسى، پارىخور ئەمەلدارلار پۇقرانىڭ ئوغرىسى» دېگەنىدى. ئۇ، جاھاندا پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قۇرتتەك قىمىلداپ كەتكەنلىكىنى ئۇلارنى جازالاشنىڭ قاتتىق بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىغان ھەمدە قانۇن قورالدىن پايدىلىنىپ پارىخور ئەمەلدارلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى، ئۆز ئىختىيارىغا ھەرگىز قويۇۋەتمەسلىكنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان. ئۇ، يەنە پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشلىرىنى خەلق قوزغىلاڭلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر مەنبە دەپ قارىغان، ئۇ، پادىشاھلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىپلا قالماي، ھەرقانداق ئىمتىيازنى قايرىپ قويۇپ، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ھېچنېمىدىن قورقمىغان. ئۇ، شۇ چاغدىكى دۆلەت مالىيە ۋەزىرى جاڭ شياۋزۇنىڭ كۆز بويامچىلىق بىلەن مەنسەپكە چىقىۋالغانلىقىنى ئۇقۇپ، خان سۇڭ رېنزوڭنىڭ ئۇنى ھەرقانچە قانات ئاستىغا ئېلىشىدىن قورقماي مەجبۇرىي ۋەزىپىسىدىن
قالدۇرغۇزغان. ئۇ، تەپتىش بېگى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پۇقرالارنى بوزەك ئېتىپ تاغقا قاچۇرۇۋەتكەن زالىم جاڭنەن غەربىي يول ترانسپورت بېگى ۋاڭ كۈي ئۈستىدىن يەتتە قېتىم خانغا ئەرز سۇنۇپ ئۇنى مەنسىپىدىن ئالدۇرۇۋەتكەن، 10 مىڭ جىڭ تۇزنى ھايىنىغا سېتىپ خەجلەپ كەتكەن خۇەينەن ترانسپورت تەپتىش بېگى جاڭ كېجۇنى مەنسىپىدىن ئالدۇرۇپ، قانۇن بويىچە جازالاپ، يىراق يەرگە پالاتقۇزغان. شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتتە پارىخور ئەمەلدارلار چۆچۈپ ھەددىدىن ئاشالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ، پارىخور ئەمەلدارلار بىلەن يۈزمۇيۈز كۈرەش قىلىپلا قالماستىن ئۆزىگە قىلچىمۇ داغ تەڭكۈزمىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەمەلدارلارنىڭ ئاق كۆڭۈل ۋە دىيانەتلىك بىلەن ئىش قىلىشىنى، قانۇننى بۇزماسلىقنى، ئەگەر ئۇنداق قىلماسا يات ئائىلە ئادىمى دەپ ئۆيگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، ئۆلسە بىر يەرگە دەپنە قىلىنمايدىغانلىقىنى، نامى باۋ ئائىلىسىنىڭ نەسەپنامىسىگە پۈتۈلمەيدىغانلىقىنى تاپىلىغان (15).
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭجۇ ئايىقىغا قاراشلىق جاڭجۇ ناھىيىسىدە ۋۇيۈ ئىسملىك بىر ئاتاقلىق يازغۇچى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ھەر دائىم: «مېنىڭ ئازدۇر-كۆپتۈر ئىش قىلالىشىم، تامامەن ئانامنىڭ تەربىيىسىدىن كەلگەن» دەيدىكەن. ئۇنىڭ ئانىسى سەھرالىق ئايال بولۇپ، بىر يىلى ئوغلى ۋۇيۈ خۇەيئەن ناھىيىسىنىڭ ئامباللىقىغا تەيىنلىنىپ ئانىسىنى بىللە ئەكەتمەكچى بولۇپتۇ. لېكىن ئانىسى ئۇنىماي سەھرادا قېلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈپتۇ. ئەمما ئانا-بالا ئىككىيلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر-بىرىنى قاتتىق سېغىنىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ۋۇيۈ بىر كۈنى خىزمەتكارلىرىنى ئەۋەتىپ ئانىسىنى سەھرادىكى ئۆيىدىن ئۆزىنىڭ يېنىغا ئالدۇرۇپ كەپتۇ ۋە
بىر مەزگىل ناھايىتى ياخشى كۈتۈپتۇ، ۋۇيۈ ئانىسىنىڭ ياشانغان چېغىدا يېنىدا تۇرۇپ ئۆمرىنى سەيلە - تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئانىسىغا ئاتاپ مەخسۇس بىر پىشايۋانلىق ئۆي ۋە راۋاق ياسىتىپ ئەتراپىغا ھەر خىل گۈل ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرنى يىراق يەردىن سېتىۋېلىپ ئەكەلدۈرۈپ تىكتۈرۈپ بەرمەكچى بوپتۇ. ئانىسى بۇنى بىلىپ قېلىپ ئوغلى ۋۇيۈنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ئوردا ئىشلىرىدا بەگلىكتىكى چوڭ-چوڭ ئىشلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا بولۇش، ھەرەمخانا ئەتراپىغا قالايمىقان ئىمارەت سېلىپ ھەشىمەتچىلىك قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىپتۇ. ئۇ ئوردىدا قوشنا ئولتۇرغان مەزگىلدە بىرەر قېتىممۇ تالا-تۈزگە چىقىپ سەيلىگاھلارنى تاماشا قىلماپتۇ. ئەكسىچە سەھرادىكى ئۆيىدىن بىرگە ئەكەلگەن ماتا توقۇيدىغان دەستىگاھنى ئاچىقىپ كۈنبويى دېگۈدەك ماتا توقۇش بىلەن بوپتۇ. ۋۇيۈ بۇنى كۆرۈپ: «ئانا، سىز نېمانچە ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز جاپا سالسىز؟ ئوغلىڭىزنىڭ مال-دۇنياسى سىزنىڭ ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشىڭىزگە كەڭتاشا يېتىدىغۇ؟» دەپتۇ. ئانىسى بۇنى ئاڭلاپ بېشىنى چايقىغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: «بالام، مەن كىچىكىمدىلا ئاياللارنىڭ قول بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرىنى قىلىشقا كۆپ ئادەتلىنىپ كەتكەنمەن، ھەرگىز ھارغىنلىق ھېس قىلمايمەن، سەنمۇ كۈنبويى يۇرتدارچىلىق ئىشلىرى بىلەن بولۇپ تۇرۇقلۇق يەنە كىتاب ئوقۇيسەنغۇ، سەنمۇ جاپالىق ھېس قىلامسەن؟» دەپتۇ.
ۋۇيۈ ئانىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ قەتئىي ئىرادىگە كەپتۈ-دە، ئانىسىنىڭ ئاددىي-ساددىلىق ئىستىلىنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ، يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بوپتۇ،
كېيىن ۋۇيۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ مەھەللىمۇ مەھەللە ئارىلاپ يۈرۈپ ماتېرىيال توپلاپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كۆپ مېھنەت سەرپ قىلىپ، ئاخىر جاڭجۇنىڭ تەزكىرىسىنى يېزىپ چىقىپتۇ. جاڭجۇ ئايمىقى تاڭ سۇلالىسى زامانىدىلا ۋىلايەت بولۇپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ چاغقىچە ئۇنىڭ تەزكىرىسى يوق ئىكەن. ۋۇيۇ يېزىپ چىققان «جاڭجۇ مەھكىمىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك تەپسىراتى» دېگەن كىتابى كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە كىشىلەر تەرىپىدىن جاڭجۇ تارىخىدىكى تۇنجى مۇپەسسەل يەرلىك تەزكىرە دەپ قارالغانىكەن (16). ھازىرقى ھۆكۈمدارلارنىڭ پاك - دىيانەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تارىختىكى مانا مۇشۇنداقلارنى ئەينەك قىلىش كېرەك.
ئەمگەكچان، باتۇر خەنزۇ خەلقى قەدىمكى زاماندىكى ئەمەلدارلارنى دىيانەتلىك ئەمەلدارلار ۋە پارىخور ئەمەلدارلار دەپ، ۋەزىرلەرنى سادىق ۋەزىر ۋە مۇناپىق ۋەزىر دەپ ئىككىگە بۆلگەنىدى. دىيانەتلىك ئەمەلدارلار بىلەن پارىخور ئەمەلدارلار يەرلىك ھاكىمىيەتلەردىكى ئەمەل تۇتقان مەنسەپدارلارغا قارىتىلغان بولسا، سادىق ۋەزىر ھەم مۇناپىق ۋەزىر دېيىلگەنلەر پادىشاھ، خان ئوردىسىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارىتىلغان.
تاڭ دەۋردىكى مەشھۇر قانۇنشۇناس ۋە نەسىرچى ليۇ زۇڭيۈەن شۇ ۋاقىتتىكى ئەمەلدارلارنى «فۇبەن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇرتقا ئوخشاتقان، «فۇبەن» — ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ماھىر بىر خىل كىچىك قۇرت بولۇپ، ئۇ چوڭ يولدا يېتىۋېلىپ نېمە ئۇچراتسا شۇنى ئېلىۋالىدىكەن، كۆتۈرگىنى ناھايىتى جىق بولۇپ، كۆتۈرۈپ ماڭالىاي قالىدىكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇنى تاشلىۋەتمەيدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ماجالى قالمىغاندا يولدا ئۇچرىغان ئادەملەر
ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ دۈمبىسىدىن ھېلىقى نەرسىلەرنى ئېلىپ قويىدىكەن. ئەمما ئۇ كېتىۋېتىپ يەنە نېمە ئۇچرىسا شۇنى ئېلىۋالىدىكەن. ئۇ تېخى ئاشۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن پېتى بارغانسېرى يۇقىرىغا يامشىشقا ئامراقكەن، يامشىۋېرىپ ھالسىرىغاندا ياردىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلىدىكەن (17). ليۇ زۇڭيۈەن بەزى ئەمەلدارلارنىڭ كۈنلۈكى يۇقىرىغا يامشىش ئارزۇسىنىڭ خىيالىدىن كەتمەيدىغانلىقىنى، ئالدىنقىلارنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ئاچچىق ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلماي، ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ ئۈزۈل-كېسىل تۈگەشمىگۈچە پۇخادىن چىقمايدىغانلىقىنى ئەنە شۇ «فۇبەن» نىڭ خاراكتېرىسىكىسى ئارقىلىق سىمۋوللاشتۇرغان. ھازىرقى زاماندىمۇ ئەنە شۇنداق «فۇبەن» لەرنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.
پاك-دىيانەتلىك ئەمەلدارلار ھوقۇق بىلەن قانۇن ئالدىدا قانۇننى تونۇپ، ھوقۇقنى تونۇمايدۇ. قانۇن بىلەن ئادەمگەرچىلىك ئالدىدا قانۇننى تونۇپ، ئادەمگەرچىلىك دېگەننى تونۇمايدۇ. كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، قانۇن بىلەن پۇل ئالدىدا، قانۇننى تونۇپ پۇلنى تونۇمايدۇ، پارا ئالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇنداق قىلىشنى بولسا قانۇنغا ۋە ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلىدۇ، دۆلەت قانۇننى پۇلغا ساتىدىغان، قولىدىكى ھوقۇقنى سودا قىلىشنىڭ قورالغا ئايلاندۇرىدىغان قىلمىشلارنى نومۇسسىزلىق، قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىق، ئادىتىمىز بويىچە ئېيتقاندا، بىر خىل ھاراملىق دەپ چۈشىنىدۇ.
«لى زى» نىڭ 6-بابى — «كۈچ ۋە تەقدىر» دە مۇنداق بىر پەلسەپۋى پىكىر ھېكايە قىلىنىدۇ. بىر كۈنى بېيگۈڭزى شىمىنىزىدىن: ھەر ئىككىلىمىز ئوخشاش تۇرۇپ، سەن ھوقۇق ۋە مەنپەئەتكە ئىگە بولدۇڭ، ئوخشاش يەر تېرىيىمىز، ئەمما باشقىلار سېنىڭ نىقراق مول ھوسۇل ئېلىشىڭغا
يول قويىدۇ. ئوخشاش سودا-سېتىق قىلىمىز، باشقىلار سېنى كۆپرەك تاپاۋەت قىلدۇرۇپ پايدىغا ئىگە قىلىدۇ، چىرايىمىز ئوخشاش ئەمما باشقىلار ساڭا كۆپرەك خۇشامەت قىلىدۇ. مەن بولسام جۈلجۈل چاپان كىيىپ، زاغرا يەپ، قومۇش ئۆيدە ئولتۇرۇپ، پىيادە يول يۈرىمەن. سەن بولساڭ تاۋار-دۇردۇندىن تون كىيىپ، ئاق ئاش يەپ، ئېسىل ئىمارەتتە ئولتۇرسەن، سىرتقا چىقساڭ پەيتۇندا ماڭسەن، لەك-لەك ئادەم قارشى ئالىدۇ. ئائىلەڭدە سۈرلۈنۈپ، ئورداڭدا غادىيىپ يۈرسەن، ئۆزۈڭنى مەن بىلەن تونۇشمايدىغان ئادەمدەك ھاكاۋۇر تۈتسەن، كۆپ يىل بولدى بېرىش-كېلىشىمىز تۈگىدى. بىللە ساياھەتكە چىقمايدىغان بولدۇق، ئۆزۈڭچە ئەخلاقتا مېنىڭدىن ئېشىپ كەتتىم دەمسەن؟ دەپ سوراپتۇ. شىمىنزى: بۇنى مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن، سېنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلگە ياقمايدىغان ئىشلار، مېنىڭكى بولسا كۆڭۈلگە ياقىدىغان ئىشلاردۇر. بۇ قېلىنلىق ۋە نېپىزلىقنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتامدۇ؟ سەن ئۆزۈڭنى ھەممە جەھەتتە مەن بىلەن ئوخشاش دېدىڭ، سېنىڭ يۈزۈڭ نېمىدېگەن قېلىن، دەپتۇ. بېيگۈڭزى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، نائىلاج ئۆيىگە قايتماقچى بولۇپ كېتىۋاتقىنىدا، ئوتتۇرا يولدا بۇ ئىككىيلەن دۇڭگۇ ئەپەندىگە ئۇچراپ قاپتۇ. دۇڭگۇ ئەپەندى بۇ ئىككىيلەننىڭ تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىپ: بېيگۈڭزىنىڭ ئەخلاق پەردىسى قېلىن، شۇڭا تەقدىرى ئانچە ئوبدان ئەمەس. شىمىنزىنىڭ تەقدىرى ياخشى، ئەمما ئەخلاق پەردىسى نېپىز. شىمىنزىنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ھەرگىز ئۇنىڭ دانىشمەنلىكىدىن ئەمەس، بېيگۈڭزىنىڭ نامرانلىقى ئۇنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەمەس. شىمىنزى ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقى ئەمما تەقدىرىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۇياتسىزدۇر. بېيگۈڭزى بولسا، ئەخلاقلىقى ئەمما تەقدىرىنىڭ
ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئۇياتلىقتۇر، دەپتۇ (18). بۈگۈنكى كۈندىمۇ شىمنىزىغا ئوخشاش ھوقۇق سەمرىتكەن ئۇياتسىزلار، بېيگۈڭزىغا ئوخشاش ھەقىرلىقتە ئۆتكەن ئۇياتلىقلار كۆپلەپ تېپىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پىكرى بويىچە، ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك شەرتلىرىنىڭ بىرى ئۇياتلىق بولۇشتۇر. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئادەم ئۇياتلىق بولسا قىلغان ئىشلىرى ساخاۋەتلىك بولىدۇ. ئويۇن-تاماشىغا بېرىلمىسە، ئەلنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا ئەقلى يېتىدۇ. ئەلنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا ئەقلى يەتكەنلەر ئەلنىڭ بېشى بولىدۇ. ئەلگە باش بولغانلار ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئائىلىسى ئۈچۈن ياكى بىرقانچە شېرىك جەمەتلىرى ئۈچۈن باش بولمايدۇ، بەلكى، ئۇ مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتىدىغان ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان ئادىل پۇقرا پەرۋەردۇر. بىزنىڭ نەزەرىمىزدە «قۇتادغۇبىلىك» — ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىك تۇرمۇشىنى تەنقىد قىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا يېتەكلەيدىغان يېتەكچى كىتابتۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۆز زامانىسىدىكى سىنىپىي زىددىيەتلەرنى پرولېتارىياتنىڭ ئەزگۈچى سىنىپلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق كۈرىشى ئارقىلىق ھەل قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويالمىغان بولسىمۇ، كېلىشتۈرمىچىلىك يولىنى تۇتۇپ ھۆكۈمرانلارغا «بىرىنى بىرى ئەزمەكنى ئەلدىن كۆتۈر»، نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلمەي، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولۇپ «يۇقىرى يۇرت تاپ» دەپ نەسىھەت قىلغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەينى زاماندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە ئارزۇلىرى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئاللىقاچان ئىشقا
ئاشتى.
«شۇنزى. پادىشاھلىق تۈزۈمى» دە: «خان كېمە، پۇقرا سۇدۇر. سۇ ھەم كېمىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ ھەم غەرق قىلىۋېتەلەيدۇ. خان بولغۇچىلار ئەلنى تىنچ ئۆتسۇن دېسە، ھاكىمىيەتنى پاك-دىيانەتلىك بىلەن تۇتۇپ، پۇقرانى سۆيگەي» دېيىلگەن، ئۇلار «پۇقرا ئەلنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇستەھكەم بولسا، ئەل تىنچ بولىدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى چۈشەنگەن. «يوسۇننامە. ئۇلۇغ ئىلىم» دە: «خەلق رايىنى ئۆزىگە قارىتالىغانلار يۇرت سورىيالايدۇ، خەلق رايىدىن قالغانلار يۇرتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.» دېيىلگەن، «گۋەنزى، چوپان» دا: «پۇقرالار رايىنىڭ مايىللىقى بىلەن ھاكىمىيەت گۈللەنگەي، پۇقرالار رايىنىڭ مايىلسىزلىقى بىلەن ھاكىمىيەت تۈگەشكەي» دېيىلگەن. قەدىمكى زاماندا ياشىغان دانىشمەن ھۆكۈمرانلار دۆلەتنى تۈزەش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىملىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئەنە شۇنداق چۈشەنگەن يەردە، بىز ئۇنى شۇنچىلىكمۇ چۈشەنمىسەك بولامدۇ؟
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە، ئەمەلدار بولغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى جاسارەتلىك، ئەقىللىك، بىلىملىك بولۇشتىن تاشقىرى ئەڭ مۇھىمى پەزىلەتلىك بولۇش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئۇياتچان بولۇش، ھايالىق بولۇش، كۆزى توق بولۇش قاتارلىقلارغا تۈگۈنلەيدۇ، ھۆكۈمرانلارنىڭ جومئىيەتنىڭ كېسىلىنى داۋالايدىغان دوختۇر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمرانلارنىڭ تىلىنىڭ چىن-راست ۋە كۆڭۈلنىڭ تۈز بولۇشىمۇ ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىر ئەمەلدار ئۈچۈن كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ يالغانچىلىق، كۆز بويامچىلىق، ئىچى-تېشى
بىردەك بولالماسلىق، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئەگرىلىك بولۇپ، جاھاننىڭ ھەممە ئىشلىرى شۇنىڭلىق بىلەن بۇزۇلىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھوقۇق قانچە چوڭ بولسۇن، ئارقا تىرەك قانچە چىڭ بولسۇن، بۇنداقلار ئەڭ ئاخىرىدا بەربىر جازاغا ئۇچرىماي قالمايدۇ، بۇزۇق، يامان ئىشلارنى قانچە كۆپ قىلسا، ئۇنىڭ جازاسى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. بۇنى ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىپ مۇنقەرز بولۇش تارىخى ئىسپاتلىغان. ئۇلار مەيلى ئىتنىڭ قارنىغا كىرىۋالسۇن، مەيلى ھۇقۇشنىڭ قانىتىغا مىنىۋالسۇن مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت قىسمەتنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇنداقلار كۆپىنچە ھاللاردا دەسلىپىدە «مۇۋەپپەقىيەت» كە ئېرىشكەندەك قىلسىمۇ ئاخىر بېرىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. خەنزۇلاردا «كىم ئەڭ ئاخىرىدا كۈلسە، شۇ ياخشى كۈلگەن بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. بۇنداقلارنىڭ دائىم داخىل بولىدىغىنى ئالدىدا كۈلۈش، كېيىن يىغلاش، ئالدىدا لەززەتلىنىش، كېيىن قۇسۇش، شۇڭا ئۇلار مەغلۇبىيەتچىلەردۇر.
قەدىمكى يۇناننىڭ ئىستىلىستىكاشۇناسى راڭجاناس (مىلادى 213 — 273-يىللار): «بايلىققا بولغان ھېرىسمەنلىك (نۆۋەتتە كۆپچىلىك ھەممىدىن بەك مۇشۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولۇۋاتىمىز)، راھەت-پاراغەتكە بولغان ھېرىسمەنلىك بىزنى ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇ، پۈتكۈل جىسمىز ۋە روھىمىزنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرمەكتە. پايدىخورلۇق بىر خىل ساقايماس كونا كېسەلدۇر. ئۇ، ئادەمنى ئىپلاسلاشتۇرىدۇ ۋە رەزىللەشتۈرىدۇ. راھەت-پاراغەتكە بولغان ھېرىسمەنلىك بولسا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇمۇ ئادەمنى ئوخشاشلا ئىنتايىن شەرمەندە قىلىدۇ. ئۇ — دورا بىلەن داۋالاپ ساقايتقىلى
بولمايدىغان كېسەلدۇر» دېگەنىدى(19). XV III ئەسىرنىڭ ئوتنۇرىلىرىدا ياشىغان فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى مۇللىر: «مەن دۇنيادا گۇناھ دەپ تونۇغان بىردىنبىر نەرسە ئاچكۆزلۈكتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى نېمەدەپ ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇ بىر گۇناھنىڭ ئوخشىمايدىغان شەكىل، ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە ئىپادىلىنىشە-دۇر» دېگەنىدى.(20) يەنە يۇناننىڭ ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپى ھېراكلىت، بەخت، ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ لەززىتىنى تەننىڭ راھىتى بىلەن ئۆلچەيدىغان كىشىلەرنى قاتتىق مەسخىرە قىلىپ: «بەخت تەننىڭ خۇشاللىقى ئىچىدە بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا كالىنىڭ قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن بىر باغلام چۆپ تاپقان چېغىنى بەخت دېيىش كېرەك» دېگەنىدى(21). ئۇيغۇر خەلقىنىڭ XV III ئەسىرنىڭ ئاخىرى XI X ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان تەرەققىيپەرۋەر شائىرى ئېمىر ھۈسەيىن سەبۇرى «تەرجىمە بەند» ناملىق شېئىرىدا، ئالەمنىڭ ۋاپاسى يوقلۇقىدىن، ئۆمرىنىڭ مەڭگۈ ئەمەسلىكىدىن، پادىشاھ، ئالىم، سوپى - زاھىد، ھاجى، بەگ، مىڭېشى، كاتىپ، سودىگەر قاتارلىق سەككىز خىل تەبىقىنىڭ تەمە-گۇي-ئاچكۆزلۈكىدىن كىنايە ۋە دەلىللەر كەلتۈرۈپ قاتتىق شىكايەت قىلغان(22). بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان كىشىلەر مانا بۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىدىن قانداق ئىشلارنى قىلسا بولىدىغانلىقى، قانداق ئىشلارنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى، قورساقنىڭ ئىختىيارىغا بېرىپ ئابروينى قوشۇپ يەۋەتمەسلىكى كېرەك.
دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا خىزمەت قىلىدىغان خادىملار خەلقنىڭ چاكىرى تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن چىرىكلىشىش كېلىپ چىقىدۇ؟
بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن ئىلمى بويىچە ماگىستىر چىڭ گوياۋ بىلەن پروفېسور گۇڭ شاڭرۇينىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە قىلىشقان سۆھبىتى جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە: 1. فېئوداللىق ئىدىيىۋى كۆز قاراشنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىشى. مەسىلەن، « ھوقۇق بولسا ھەممە بولىدۇ »، « ھوقۇق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ »، « ھوقۇق ھەممىنى بەلگىلەيدۇ »، « جازا مەنسەپدارلارغا راۋا ئەمەس »، « كۆڭزى رىسالىسى بىلەن جاھاننى ئوڭشىغىلى بولىدۇ » دېگەنگە ئوخشاش ئىدىيىۋى ئېقىملارنىڭ يامراپ كېتىشى قولىدا ھوقۇقى بار كىشىلەرنى كۆرەڭلەپ خۇدىنى بىلمەيدىغان قىلىپ قويدى. ئۇلار ماددىي ئەشيا بىلەن ھوقۇققا بولغان ئىشتەپا تەلەپلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بارچە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئالدى. شۇڭا بۇ كۆز قاراشلارنى بۇزۇۋەتمەي تۇرۇپ، تۈزۈلگەن ھەرقانچە دانا بولغان تەدبىرلەر (قانۇن تۈزۈش تەدبىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى نوقۇل ھالدا ھەرقانچە تەكىتلىگەن بىلەنمۇ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش تۈزۈمنىڭ قۇرۇلۇشى ئوبدان ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
- تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى. ئېلىمىزدە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كان-كارخانىلاردىكى رەھبەرلىك ئورگانلىرىدا مۇكەممەل بولغان مەمۇرىي قائىدە - قانۇنلار ھەم قاتتىق بولغان شەخىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرى، بىر - بىرىنى نازارەت قىلىدىغان مېخانىزملار كەمچىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى جان بېقىشنىڭ بىر خىل دەسمايسى دەپ قارايدىغانلار كۆپ، خەلقپەرۋەرلىكنى دۆلەتكە سادىق بولۇشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلار ئاز، خادىملارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە قانۇن ئېڭى تۆۋەن.
- ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ جاھىللىق بىلەن يىلتىز تارتىپ ئادەت كۈچىگە ئايلىتىپ كېتىشى. ئېلىمىز نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال مۇستەبىتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان دۆلەت بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەنمىگەن، شۇڭا بەزىلەر «مۇناسىۋەت ئىلمى»، «ئارقا ئىشكە مېڭىش»، «ئەمەلدار سودىگەر»، «ئەمەل تار مەھكىمىچىلىكى»، «ئومۇم بىلەن خۇسۇسىيىنى ئايرىماسلىق»؛ «ئومۇم بىلەن خۇسۇسىي بىر گەۋدە بولۇپ دۆلەت باشقۇرۇش كۆز قارىشى»، «چوڭ دۆلەت تار مەھكىمىچىلىكى» قاتارلىقلارنى ئەنئەنىۋى ئەڭگۈشتەر دەپ بىلىدۇ. نەتىجىدە مۇشۇنداق سىياسىي مەدەنىيەت ئەندىزىسى ئاستىدا ھوقۇقى بار كىشىلەر جەزمەن چىرىكلىشىدۇ. «دۆلەتمەن ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش» ئۆتكۈزۈشنى «نومۇس» دەپ بىلمەيدۇ. ئەكسىچە «شەرەپ» دەپ ھېسابلايدۇ (23).
نۆۋەتتە «پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى قانۇن مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ئېلىپ بېرىش XX ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا خەلقئارا ۋە ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىش ۋە مالىمانچىلىقلاردىن كېيىن ئېلىمىزدىكى سىياسىيئونلار ۋە قانۇنشۇناسلار چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ھەم يېتىۋاتقان پەۋقۇلئاددە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىشقا ئايلانماقتا. رېئاللىقتىن ئېيتقاندا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بەزى كونكرېتنى تۈزۈملىرىدە ئاز بولمىغان ئىللەت ساقلانماقتا. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىپادىلىرى: ھوقۇقنىڭ بەك مەركەزلىشىپ كېتىشى، بيرۇكراتلىقنىڭ ئېغىر بولۇشى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇشنىڭ نورمالنى بولماسلىقى، فېئوداللىق ئىدىيە تەسىرىنىڭ تازىلىنىپ بولۇنمىغانلىقى، ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىنىڭ
باقىۋەندىلىكى، ھەرخىل ئىمتىيازلارنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇشى قاتارلىقلار. بولۇپمۇ ھوقۇقنىڭ شەخسىيگە مەركەزلىشىپ كېتىشى بەك ئېغىر. پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى «ئادەم بىلەن تۈزەش» نىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان.
1945-يىلى خۇاڭ يەنى ئەپەندى يەنئەندە ماۋجۇشىغا: تارىختا نۇرغۇنلىغان ھاكىمىيەتلەر دەسلىپىدە ناھايىتى تېز گۈللىنىپ كېيىن ئۆزۈن ئۆتمەيلا چىرىكلىشىپ مۇنقەرز بولغان ھەم بۇ تارىختا بىر دەۋرلىنىپ تۇرۇشنى پەيدا قىلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانداق قىلىپ بىرەر يېڭى يول تېپىپ «توساتتىن گۈللىنىپ كېتىش» ۋە «توساتتىن يوقىلىپ كېتىش» تىن ئىبارەت دەۋرلىنىپ تۇرۇشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالايدۇ؟ دېگەن كەسكىن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماۋجۇشى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، بىز ھازىر يېڭى يول تايتۇق، بىز بۇنداق دەۋرىيلىكنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقالايدىغان بولدۇق. بۇ يېڭى يول — دېموكراتىيىدۇر. ھۆكۈمەتنى خەلققە نازارەت قىلدۇرساقلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشىشىپ كەتمەيدۇ. پەقەت ھەممە كىشى قوزغىلىپ مەسئۇلىيەتچان بولغاندىلا، ئاندىن ھۆكۈمىتىمىز مۇنقەرز بولمايدۇ، دېگەن (24). ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رەھبەر بولغان كىشىنىڭ ئىدىيىسى تەرەققىيپەرۋەر، دېموكراتىك ئىستىلى ياخشى بولغان چاغدا سىياسىي ۋەزىيەت جانلىق، جۇشقۇن بولىدۇ. ئىدىيە ۋە ئىستىلدا ئۆزگىرىش بولۇپ ھەتتا ئۆز ئالدىغا بېشىمچىلىق قىلغان چاغدا جانلىق، جۇشقۇن ۋەزىيەت يوقىلىدۇ. بەزى ئومۇملۇققا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ-چوڭ سىياسەتلەر كۆپىنچە ھاللاردا رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى بىلەن تەڭلا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا «ئادەم بىلەن تۈزەش» نى ئاستا-ئاستا «قانۇن بىلەن تۈزەش» كە ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئېلىمىزدە چىرىكلىك ھادىسلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى فېئودالىزمنىڭ مەرەزلىرى، بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى، يېڭى - كونا تۈزۈلمىلەرنىڭ ئالىشىپ تۇرۇشى ۋە قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
ئەگەر پرولېتارىيات پارتىيىسى ئۆزى ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلماسا، ھاكىمىۋەتلەقلىك قىلسا، قولىدىكى ھوقۇقلىرىنى ھېچقانداق قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان چەكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇ ھالدا بۇ سىياسىي ھوقۇقنىڭ تولىمۇ مەركەزلىشىپ كېتىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە ھوقۇقنى چەكلەش مېخانىزمىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماسلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر ئىدىيىۋى مەنبە بولۇپ قالىدۇ.
ھازىر ئېلىمىزدىكى مەشھۇر قانۇنشۇناسلار «مۇتلەق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھوقۇق مۇتلەق چىرىكلىشىدۇ» دەپ قاراشماقتا. ئەنگلىيىنىڭ XI X ئەسىردىكى داڭلىق تارىخشۇناسى ئاقتۇن «نازارەتنى قوبۇل قىلمايدىغان ھوقۇق مۇقەررەر ھالدا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ چىرىكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەنىدى(25)، فرانسىيىنىڭ XV III ئەسىر ئويغىنىش دەۋرىدىكى مۇتەپپەككۇرى مۇنتسكيۇ: «ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈۋالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھوقۇقنى ئاسانلا قالايمىقان ئىشلىتىدۇ. بۇ — ئەبەدىلئەبەد قىل سىغمايدىغان بىر تەجرىبىدۇر. شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرىدىن ئالغاندا، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھوقۇقنى چوقۇم ھوقۇق بىلەن چەكلەش كېرەك» دېگەنىدى(26). بۇ ھەقىقەتنى جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەلگىچە، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان سىياسىي تەرەققىيات تارىخىنىڭ ھەممىسى ئىسباتلىغان.
شۇڭلاشقا، مۇكەممەل بولغان نازارەت سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن يوق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە مەرەز قالدۇرماسلىق لازىم. سوتسيالىستىك دۆلىتىمىز تېخى شۇنداق قىلىشى كېرەك.
ھاكىمىيەت تەشكىلىنى بىر ماشىنا دېسەك، بىزنىڭ بۇ ماشىنىمىز ناھايىتى يوغان، ئۇنىڭدا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش مېخانىزمى بولمىسا، ئۇ ماشىنىنى ھەرقانچە تورمۇز قىلغان بىلەنمۇ توختىمايدۇ. شۇڭا چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى بولۇپ تۇرىدۇ. چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھوقۇقنىڭ سىرتقى شەكلىدىن ئىبارەت.
ھازىر مۇنداق بىر ئومۇمىي قاراش بار. يەنى ئۇ بولسىمۇ، كۆپچىلىك بىردەك، چىرىكلىشىشنى چەكلەشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى ئېلىمىزنىڭ مەمۇرىي نازارەت قىلىش ۋە قانۇن-تۈزۈمنى تەپتىش قىلىش ئورگانلىرىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە دەپ قاراشماقتا. نۆۋەتتە رېۋىزىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، سودا ئورگانلىرىدا مەمۇرىي سوت كوللېگىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، پارتىيىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئېلىمىزنىڭ قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر قەدەم تاشلىدى. ئەمدى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى — مۇشۇ ئورگانلار ئۆزىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى ھەقىقىي ھالدا جارى قىلدۇرۇشتا.
تەپتىش مېخانىزملىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كۆپ تەرەپتىكى ئامىللارغا باغلىق. چەت ئەللەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا، مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى ئىش ئوبدان ئىشلىنىشى لازىم. بىرىنچى، نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىش ئورگانلىرى مۇستەقىل بولۇشى كېرەك. تۈزۈمدىن تارتىپ كونكرېتنى ئىش نورمىلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغىچە بولغان. ھەممە ئۆتكەللەردە تەپتىش مېخانىزمىنىڭ تەپتىش
قىلىش ھوقۇقى مۇستەقىل يۈرگۈزۈلۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. تەپتىش قىلىش ھوقۇقى ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ھەم شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. ئىككىنچى، رىغبەتلەندۈرۈش ئامىللىرى بولۇشى كېرەك. بۇ — نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ھەرىكەتكە سالالايدۇ. چۈنكى، « نازارەت قىلىش » — ئەسلىدە بىر خىل « كۈچ چىقىرىپ تۇرۇپمۇ ياخشى ئاتاققا ئېرىشكىلى بولمايدىغان »، پەقەتلا باشقىلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ماراپلا يۈرىدىغان خىزمەت. نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدىغان ئورگان ۋە خادىملاردا يۈكسەك ئابروي ۋە چوڭ ئىمتىيازلار ئالدىدىمۇ قورقمايدىغان ھىممەت بولمىسا، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرى ۋە پايدا-مەنپەئىتىنىڭ غېمىنى يېيىش بىلەن بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، خىزمەتتە قەتئىي بولماسلىق، ئىش بېجىرگەندە ئالدى-ئارقىسىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ھەتتا پرىنسىپنى تاشلاپ سودا قىلىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق ئەھۋال نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكت چوڭ ھوقۇق ۋە زور ئابرويغا ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭلاشقا نازارەت مېخانىزملىرى ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا رىغبەتلەندۈرۈش ئامىللىرى ئارىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرۈشتە رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئىمتىيازغا قارىشى ئىمتىياز بولۇشى كېرەك. نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئورۇندىشى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرلۈك ئاكتىپ ئامىلدىن باشقا يەنە نازارەت قىلىش ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى يامان بۇزۇقلارنىڭ ياكى قولىدا ھوقۇقى بار ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ زەربە بېرىشى ياكى ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، دۆلەتنىڭ
چىرىكلىشىكە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش ۋەزىپىلىرى ئورۇندالمايدۇ. ئەتىجىدە بايلىق مەنزىللىرىگە ئاچ بۆرىدەك ئېتىلىدىغان، نى-نى خىيانەتلەر ھەيۋەتلىك تونلار ئىچىدە پىنھان قېلىۋېرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، ئۇ، كىشىلەرنى ئاسانلا تۈزۈمدىن گۇمانلاندۇرۇپ، ئېتىقادتىن ۋاز كەچتۈرۈپ قويىدۇ.
تۆتىنچى، ئۆز يېقىنلىرىنى يېنىغا تارتىپ چۆپقەت توپلىماي، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇپ ئەل نەپسىنى كۆزلەش — دانىشمەن رەھبەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر
«قۇتادغۇبىلىك» تە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىز بۇ ماۋزۇدا ئورۇندىماقچى بولغان ۋەزىپىلەرنى نۇرغۇن ھەقىقەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ يەشكەن. ئۇنى بىز كىتابىمىزنىڭ 4-بابى 4-بۆلىكىدە بايان قىلدۇق. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتلەر قەدىمكى دانىشمەنلەردىن تارتىپ ھازىرقى سىياسىيئونلىرىمىزغىچە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلە بولۇپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئوخشاشىغان مۇھىت ۋە شارائىتلاردىكى ھاكىمىيەتچىلىك ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلەنگەن بىر ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئۆز زامانىسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، بۈگۈنكى كۈندە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ بارىدۇ.
تارىختىن بېرى ئىككى خىل ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىسى مەۋجۇت. داۋاملىق دەپ كېلىۋاتقان سۆزىمىز بويىچە ئېيتقاندا، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بايقىلىشى ئۈچۈن مىسلىسىز پارلاق يول ئېچىپ بېرىدۇ.
پارتىيىمىز بىلىمگە، ياخشىلارغا ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىگە ھۈرمەت قىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشتا رېئاللىق بىلەن نەزەرىيە ئوتتۇرىسىدا يەنىلا چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ — بىلىم بىلەن ھوقۇقنىڭ ئۆزئارا ئورگانىك بىرلىشىشى ۋە ھەمكارلىقى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان مەسىلىدۇر.
تەن بىڭ 1986-يىلى ئېلىمىزنىڭ كادىرلار خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغاندىن كېيىن «ئادەم ئىشلىتىشنىڭ يولى» دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇ، كىتابىدا ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئادەم ئىشلىتىشتە ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى قاتتىق سۆككەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان قاراخانىلار دەۋرى، باۋچىڭ، ۋاڭ ئەنشىلەر ياشىغان سۇڭ دەۋرى ۋە تەن بىڭ ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرلەرگە نەزەر سالساق تۆۋەندىكىدەك ئون خىل ئىللەت دۆلەت، مىللەت ۋە خەلق ئىشلىرىغا زىيانلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنمەكتە.
-
ئۆز يېقىنلىرىنى قېشىغا تارتىش. بۇنداق كىشىلەر خادىملارنىڭ ئەقىللىك ياكى دۆت، سەر خىل ياكى ناچار بولۇشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، ئۆز پەرزەنتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، يار-بۇرادەرلىرى بولسىلا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنى پايدىسى كۆپ تېگىدىغان ئىشقا ۋە ئورۇنغا قويىدۇ، ئۇلارنى خىلمۇخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆستۈرىدۇ، ھەرگىز ھۆل يەرگە دەسسەتكۈزمەيدۇ.
-
ئۆزىنىڭ رايىغا باقىدىغانلارنى ئىشقا قويۇش. ئۇلار ئۆزلىرىگە يېقىن ياكى يىراق بولۇشىغا ئاساسەن ئادەم تاللايدۇ. بۇنداقلار ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ. ئۆزىنى چۆرىدەپ نېمە دېسە ماقۇل دەيدىغانلارنى، گەپ ئاڭلايدىغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەرنى ۋە ئۆزىگە قارشى تۇرغانلار (مەيلى ئۆز قىلىشىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر) نى قەتئىي ئىشلەتمەيدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىگە يېقىن ئىتائەتچان دۆت «قۇل» نى ئىشقا قويسا قويىدۇكى، ئۆزىگە يىراق دانا ئىختىساسلىقنى ھەرگىز ئوردىغا يېقىن كەلتۈرمەيدۇ.
-
ئۆز ئالدىغا تۇغ تىكلەپ مەزھەپ قوغلىشىش. بۇنداق كىشىلەر فېئودال ئۇرۇقداشلىق قارىشى ۋە مەزھەپچىلىك قارىشىدىن چىقىپ ئادەم تاللايدۇ. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇغ تىكلەيدۇ. ئۆز مەزھىپىدىكىلەرنى پرىنسىپسىز قانات ئاستىغا ئالىدۇ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ. باشقىلارنى پرىنسىپسىز چەتكە قاقىدۇ، زەربە بېرىدۇ. پارتىيىۋىلىكنى، ئومۇملۇقنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، مەزھەپنىلا قوغلىشىدۇ. سىياسەت، بەلگىلىمىلەرگە پسەنت قىلماي ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ئورنىدىكى كادىرلار ئۈچۈن دەرىجە، تەمىنات تالىشىدۇ، ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. قىسقىسى، ئۆز ئالدىغا تۇغ تىكلىمىگۈچە، ھەممە ساھەگە ئۆز ئادەملىرىنى سەپلەپ قويمىغۇچە كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ.
-
ئىمتىياز ۋە كېلىدىغان پايدىسىغا قاراپ ئادەم ئىشلىتىش. ئۇلار ئۆزىگە پايدا يەتكۈزىدىغان-يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئادەم ئىشلىتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر قولىدىكى كادىرلار ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇلىدىغان ماددىي بۇيۇم دەپ قارايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ قانچىلىك «ئىمتىيازى» بار، ئۆزىگە «پايدىسى» تېگەمدۇ-يوق؟ دېگەنلەر ئۈستىدە ھېساب - كىتاب قىلىدۇ. مەلۇم ئادەم ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمەل بېرىپ ئادەمگەرچىلىك قىلىش… ئارقىلىق يۇقىرىدىكى «شوتا ئادەم» لىرىگە ياخشىچاق بولىدۇ ياكى شۇ «تۆھپىسى» بىلەن شۇلارنىڭ سايىسىدە ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا يامىشىش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
-
قابىلىيەتلىكلەرنى كۆرەلمەسلىك. بۇ — ھەسەتخورلۇقنىڭ
تىپىك ئىپادىسى بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ھەتتا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن قابىلىيەتلىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، «ۋۇدالاڭنىڭ دۇكان ئېچىشى» (27) دىكىگە ئوخشاش، ئۆزىدىن «ئېگىز» بولغانلارنىڭ بىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدۇ. ئۆزىنى «دانا» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەمىلا جايدا ئامال قىلىپ ئىختىساسلىق بىلىم ئەھلىلىرىنى باسىدۇ، ئۇلارغا زەربە بېرىدۇ. ھەتتا نادانلارنى ياكى كەسىپ ئەھلى بولمىغانلارنى قەستەن ئىشقا قويىدۇ. خىزمەت ۋە ئىشلارنىڭ يۈرۈشمەسلىكى ياكى ناھايىتى زور زىيانغا ئۇچرىشى بىلەنمۇ زادى كارى بولمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاخىر بېرىپ ئاپپاراتلار بارغانسېرى كېلەڭسىزلىشىدۇ، خادىملار كۈندىن-كۈنگە ساپاسىزلىنىدۇ. 6. دەسمايسىگە قاراپ سەپتە تۇرغۇزۇش، بۇنداقلارنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە قائىدە-يوسۇن ۋە ھەزەر ئەيلەيدىغان نۇرغۇن ئەمىر-مەرۇپلار بولىدۇ. ئۇلار ياشلار ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىچى بۇشىدۇ، ياش، ئىقتىدارلىق كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە كاشىلا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسىغا «ئۇزۇن يىللىق كېلىن قېيىن ئانا بولالايدۇ» دېگەن ئىدىيە سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار يېڭى بوغۇنلارنى «ئاتقا مىندۈرۈپ، چۈلۈۋرىنى تۇتقۇزۇپ، چېپىشقا قويۇۋېتىش» كە ئۇنىمايدۇ، بىر مەنزىلدىن يەنە بىر مەنزىلگىچە ئۆزىتىدۇ، «18 چاقىرىم يەرگە ئۆزىتىش» تىن كېيىنمۇ يەنە كەينىگە كىرىۋالىدۇ. «نايىپ پادىئاھ» بولۇۋېلىپ، «پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇش» - نى يولغا قويىدۇ.
- خادىملارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنىلا قوغلىشىپ، غەرەزلىك قۇسۇر ئىزدەش. بۇنداقلار خادىملارنىڭ كەملىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىگە زادى يۈز - خاتىر قىلمايدۇ، نەتىجە
ۋە ئۇتۇقلىرىنى ئاسانلا يوققا چىقىرىدۇ، تىرناق تېگىدىن كىر ئىزدەپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدۇ. كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى دائىم پېشانىسىگە قويىدۇ. ئۇششاق-چۈششەك يېتەرسىزلىك ۋە سەۋەنلىكلەرنى ئاسان كۆرىدۇ، چوڭايتىدۇ؛ تۇتامغا چىققۇدەك نەتىجە، ئارتۇقچىلىق، قابىلىيەتلىرىنى بولسا كۆرمەسكە سالىدۇ، كىچىكلىتىدۇ. نەتىجىدە «ئادەمنىڭ مۇكەممەللىكى» دىن ئىبارەت مېتافىزىكىلىق قاراش بويىچە، خادىملارنىڭ ھەممە جەھەتتە «قابىلىيەتلىك» بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
-
كىشىلەرنىڭ قابىلىيىتىنى كەم سۇندۇرۇپ ئىشلىتىش. بۇنداقلار ئۆز قىلىشىنىڭ ئىگىلىك ئىشلىرىغا، كادىرلار قۇرۇلۇشىغا، ئومۇمغا ۋە شەخىكە زىيانلىق بولۇپ، ئىقتىدارلىقلارنى ئىشقا قويۇشتا ناھايىتى زور بىر ئىسراپچىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىغا «چىنىقتۇرۇش»، «سىناش»، «ئۆزگەرتىش» دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق ناملارنى بېرىدۇ، ئىختىساسلىق كىشىلەرنىڭ خالىغان ئورۇنغا بېرىپ ئىشلەش ئەركىنلىكى بارلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا قاراپ ئىش تاللاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى تار يەردە قىستىغانلىق بولۇپ، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى بەزدۈرۈپ ئىخلاسىنى ياندۇرىدۇ.
-
مەنسەپكە قويۇش ئەمما ئىشەنمەسلىك. بۇنداق ئادەملەر قول ئاستىدىكىلەردىن تەر ئاققۇزۇپ جاپالىق ئىشلەشنىلا تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما كۆڭلىدە گۇمان ساقلاپ مەنسەپكە لايىق ھوقۇق بەرمەيدۇ. ھەممىنى ئۆزى تىزگىنلەپ ئۆز ئالىقىنىدا تۇتۇش تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، قول ئاستىدىكىلەر ئارىسىدا قەستەن بۆلگۈنچىلىك ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق بۆلۈپ باشقۇرماقچى بولىدۇ ياكى بولمىسا
قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنماي « بويۇنتاۋلىق » قىلىشىدىن ئەنسرەپ، بارلىق كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ قۇسۇرىنى ئىزدەپ كۈكۈلىسىغا ئېسىلىدۇ، « ئاۋازسىز توقماقلاش » ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى ئۆستۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئادەم ئىشلىتىشتە « گۇمان قىلساڭ ئىشقا قويما، ئىشقا قويساڭ گۇمانلانما » دېگەن مىزاننى زادى چۈشەنمەيدۇ. 10. « ئىشلىتىش » نىلا بىلىپ « بېقىش » نى بىلمەسلىك. بۇنداق كىشىلەر « ئېتىم يۈگۈرسىكەن، بىراق بوغۇز يېمىسكەن » دەيدۇ. كادىرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زادى كارى بولمايدۇ. ئۇلار كادىرلارنى يىراقنى كۆزلەشكە يېتەكلىمەيدۇ، ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەيدۇ، مەخسۇس جايلارغا ئەۋەتىپ تەلىم-تەربىيە ئالدۇرمايدۇ. كادىرلارنىڭ « كونا دەسمايە » سىنى يەۋېرىپ، خۇددى ئۆزى يېنىپ ئۆزى ئۆچۈپ قالغان چىراغتەك بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. « سۇسىز كۆلدە بېلىق بېقىش » ھۈنىرىنى قوللىنىدۇ.
قىستىسى، بۇ خىل ئادەملەر « پاژسىن قانۇنىيىتى » دىكىدەك ئىش كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. ئەنگلىيىلىك ئاتاقلىق سىياسىيئون ۋە تارىخشۇناس نوسىگورت پاژسىن 1958-يىلى « ئەمەلدارلار سورۇنى كېسىلى » دېگەن بىر كىتابنى يازغان. ئۇ ئەنگلىيىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىنى ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرگەندىن كېيىن ئادەم ئىش ئۈستىدە لەيلەپ يۈرىدىغان ئەھۋال نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ، دېگەن مەسىلىدە مۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ۋەزىپىسىنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالمىغان ئەمەلدارنىڭ ئالدىدا مۇنداق ئۈچ خىل تاللاش بولىدۇ. بىرى، خىزمەتتىن چېكىنىشكە ئىلتىماس قىلىپ ئورنىنى ياراملىق كىشىلەرگە بوشىتىپ بېرىش؛ ئىككىنچىسى، قابىلىيەتلىك ئادەملەردىن بىزنى تېپىپ خىزمىتىگە ياردەملەشتۈرۈش؛ ئۈچىنچىسى
سەۋىيسى ئۆزىدىن تۆۋەنرەك بولغان ئىككى ياردەمچىنى تېپىش. بۇنىڭدىن بىرىنچى خىلىنى تاللىمايدۇ، سەۋەبى ئۇ «تۆمۈر تاۋاق» تىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىككىنچىسىمۇ تاللىمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندا بوش ئورۇن پەيدا بولغاندا بۇ قابىلىيەتلىك كىشى ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشىدە توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلنى تاللايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئىككى ياردەمچىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ-دە، ئۆزى يۇقىرىدا تۇرۇۋېلىپ ئومۇمىي دائىرىنى ئىگىلەيدۇ. بۇلار ئۆزئارا بىر - بىرىنى چەكلەپ ئۇنىڭ رىقابەتچىسىگە ئايلىنالمايدۇ. نەتىجىدە ئۇلارمۇ ئۆز باشلىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئۆزىگە يەنە ئىككى ياردەمچى تاپىدۇ. مۇشۇنداق قاتلاممۇقاتلام راۋاجلىنىش ئارقىلىق ئۆزئارا بىر - بىرىگە ئىتتىرىدىغان، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان بيۇروكراتلار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ پاژمىن قانۇنىيىتى دەپ ئاتالغان. مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ھالدا ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئىقتىدارلىقلار بىلەن ئىقتىدارسىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دائىم ھەق-ناھەق كۈرىشى بولۇپ تۇرىدۇ. ئىقتىدارسىزلار ئىقتىدارلىقلارنى دائىم دېگۈدەك ئىقتىدارسىزلىقتا ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بىرىنچى، «سىياسەت» نى دەستەك قىلىدۇ. بۇ ئادەم «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا ياش ئىدى، بەلكىم «ئىيانچى» بولۇشى مۇمكىن، سىياسىي جەھەتتە بەلكىم ئىشەنچلىك ئەمەستۇر، دېگەندەك گەپلەرنى پېشقەدەملەرنىڭ قۇلىقىغا ئەتەي ئاڭلىتىدۇ. ئىككىنچى، «تەربىيىلىنىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بۇ ئادەمنىڭ تونۇشى ساغلام ئەمەس، ھاكاۋۇر، ھارامزادە، رەھبەرلىكنى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكىم
ھوقۇق تارتىۋېلىش سۈيىقەستى بولۇشى مۇمكىن، دەپ يۇقىرى رەھبەرلەرگە چاقىدۇ. ئۈچىنچى، «ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ئۈستىدە ۋەز ئېيتىدۇ. بۇ ئادەم ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمايدۇ، ئاممىنى ياراتمايدۇ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالغان، دېگەندەك سىپايى گەپلەر بىلەن «جامائەت پىكرى» تەييارلايدۇ. تۆتىنچى، «ئىستىل مەسىلىسى» نى دەستەك قىلىدۇ. بۇ ئادەم ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بەكىز مۇرەككەپ، نورمالنى ئەمەس، دائىم دېگۈدەك ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، باشقىلار ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس دېگەندەك گەپلەرنى ئادەتتىكى ئاممىنى ئاڭلىسۇن دەپ قىلىدۇ. ھەق گەپ قىلغاندا، ئىقتىدارلىقلارنىڭ كۆزى ئىقتىدارلىقلارنى كۆرىدۇ، دانىشمەنلەرنىڭ يۈرىكى دانىشمەنلەرنى تونۇيدۇ. ئۆزى ناتوغرا تۇرۇپ باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىيالىغان ئادەم بولۇپ باقمىغان ۋە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىقتىدارلىق ئادەمنىڭ ئىقتىدارسىز بىر ئادەمنى ياراملىق ئادەم دە، مۇھىم ئىشقا قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىقتىدارلىقلارنى چېلىقتۇرۇشقا ماھىر، ئۆستۈرۈشكە ۋە بېشىغا كۈن كەلسە قوغداشقا قادىر ئادەملەرنىڭ ئۆزى ئىقتىدارلىقتۇر. خەنزۇلارنىڭ قانۇنچىلىق تارىخىدا «جىڭ بەنچاۋنىڭ ئەنزىگە ھۆكۈم چىقىرىشى» دېگەن بىر ھېكايە بار. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا سەندۇڭلۇق بىر بايۋەچچە بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنى ياللاپ ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ. يىل بېشىدىلا بۇ ئىككىيلەن مەسلىھەت بىلەن كېڭىشىپ بىر يىل بالىسىنى ئوقۇتۇپ بەرسە سەككىز تىزىق يارماق بېرىدىغانغا پۈتۈشۈپتۇ. ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ بايۋەچچىنىڭ ئوغلىغا بىر يىل ساۋاق بېرىپتۇ. يىل توشۇپ پۇلنى بېرىدىغان قارايى كەپقاپتۇ، لېكىن بايۋەچچە پۇلنى
بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە، ئۇنى قورسىقىدا ئۈمىچى يوق، ئوغلۇمنىڭ بىر يىللىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشىتىپ ھەيدىۋېتىپتۇ. ئوقۇتقۇچى نائىلاج نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۈرۈپ ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. لېكىن ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ بېرىپ بۇنى ئويلىغانسېرى تازا ئاچچىقى كەپتۇ ۋە يامۇلغا بېرىپ بايۋەچچىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ.
ئۇققاندەك، شۇ ۋاقىتتىكى شيەن يامۇلنىڭ باشلىقى دەل چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاتىقى چىققان ئاتاقلىق رەسسام، خەتتات ۋە شائىر جىڭ بەنچاۋ ئىكەن. ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئەدەبىي تالانتى بارلارنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدىكەن، ئىشتا ناھايىتى ئادىل ئىكەن. ئۇ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «مەن سىزنى ھازىرلا سىناپ كۆرەي، بىلىمىڭىز زادى قانچىلىك؟» دەپتۇ. ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان بېرىشكە ئۆزىنىڭ ھازىرلا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. جىڭ بەنچاۋ تورۇسقا قاراپ قولى بىلەن ساراينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېسىقلىق تۇرغان پانۇسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ گەپنى مۇشۇ پانۇستىنلا باشلاي دەپتۇ-دە، تۆۋەندىكىدەك بىر كۈپلېت نەزمە توقۇپتۇ:
ئوردا ئىچىدە يورۇق بېرىپ تۇرار ئەنە پانۇس چىراغ، تۆت تەرەپتىن نۇر چاقناتسا يورۇپ كېتەر يېقىن-يىراق. بۇنىڭلىق نەغۋبار كۆڭلى بىنەۋا ئىشقى-پىراق، كى كۆرسە شول يورۇقنى بولۇپ شەيدا تۇرار ھەر ۋاق.
ئوقۇتقۇچى بۇنى ئاڭلاپ بىرئاز توختىۋېلىپ، تۆۋەندىكىدەك . بىر كۈپلېت نەزمە قوشۇپتۇ:
ئوقۇتتۇم بىر يىل ساۋاق، تاپماق ئۈچۈن سەككىز يارماق، سىڭدۈردۈم تالاي ئەجىر، بەرمىدى بىر تال ماياق. پەرۋانە بوپ شۇ ماياكنىڭ ئىشقىدا، ئوردىغا باستىم ئاياغ، ياكى تاپقايمەن ساۋاب يا ئىلتىپات، ياكى قاماق.
جىڭ بەنچاۋ ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزمىسىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ھەيران قېلىپ ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتىغا قايىل بوپتۇ ھەم بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداقتۇر «قورسىقىدا ئۈمىچى يوق» لۇقىدىن بايۋەچچىنىڭ بالىسىنىڭ «ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن» بولماستىن بەلكى، بايۋەچچىنىڭ ئۆزىنىڭ نوچىلىقىغا ئىشىنىپ ئۇنى بوزەك قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپتۇ-دە، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ئەيىبكارنى چاقىرىپ كەپتۇ ھەم ئوقۇتقۇچىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەينى بويىچە قايتۇرۇشنى بايۋەچچىگە بۇيرۇپتۇ، جىڭ بەنچاۋ شۇنداق قىلىپ بۇ ئەنزىنى ئادىل ۋە چېۋەرلىك بىلەن بىر ياقلىق قىپتۇ (28). بۇ ھېكايە بىزگە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قابىلىيەتسىز، ناچار، كۈچتۈڭگۈرلەر تەرىپىدىن بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغاندا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادىللىقىنى ياقلاپ ساختىلىققا بەرھەم بېرىشنىڭ لازىملىقى ھەم قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
تارىختىن بېرى قابىلىيەتلىكلەرنى كۆرسىتەلگەنلەر قابىلىيەتلىك، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى كۆرسىتەلگەنلەر ئەڭ دانالار ھېسابلانغانىدى. ئۇلارنىڭ دانالىقى كونكرېتنى قابىلىيەتتە بولماستىن، ئۇلارنىڭ باشقىلاردا كەم تېپىلىدىغان ئۆتكۈر كۆزلۈكلۈكى ۋە كۆڭلى - كۆكسىنىڭ كەڭرىلىكىدە ئىپادىلەندى. بۇنداق ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى ۋە ھەتتا شەخسىي كۈشەندىلىرىنى
ئۆزىنىڭكىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلگە كۆرسىتىشتە تېخىمۇ تولۇقراق ئىپادىلىنىدۇ.
ئەمىنىيە دەۋرىدە بەش زومىگەرنىڭ ئاتامانى دەپ نام ئالغان گۈەن جۇڭ ۋەزىر بولۇش ئالدىدا باۋشۆيانى ۋەزىرلىككە كۆرسىتىدۇ، باۋشۆيا ۋەزىر بولۇشنى رەت قىلىپ گۈەن جۇڭنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە گۈەن جۇڭ باۋشۆيانىڭ سىياسىي رەقىبى بولۇپ قان قىساسىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈمىتىگە، گۈەن جۇڭ بىلەن باۋشۆيا بىرلىكتە سودىگەرچىلىك قىلغان بولۇپ، ھەر نۆۋەت پايدىنى بۆلۈشكەندە گۈەن جۇڭ باۋشۆيانى بوزەك قىلىپ ئۆزىگە جىقراق بۆلۈۋالغان. ئەمما باۋشۆيا گۈەن جۇڭنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامرات بولۇپ، ئانىسىنى بېقىش لازىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتكەن، دۆلەتكە ۋەزىر تەيىنلەشتەك ئاچقۇچلۇق مەسىلىدە باۋشۆيا دۆلەت مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ ھوقۇققا قول ئۇزارتمىغان، گۈەن جۇڭنى دۈشمەندىن ئەسىر ئېلىنغان دەپ ھاقارەتلىمەستىن سەمىمىيلىك بىلەن چى بېگىگە: « ئەگەر پادىشاھ ئالىيلىرى چى بەگلىكىنى ياخشى باشقۇرۇشنىلا ئويلىسلا، ئەتىمالىم مەن بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمەن. ئەگەر سىلى جاھاننى بويسۇندۇرماقچى بولسلا، گۈەن جۇڭسىز ئىشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماس» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن چى بېگى ئۇنىڭ پىكرى بويىچە ئىش كۆرگەن، نەتىجىدە توققۇزى تەل بولۇپ جاھاننى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت پىلانى ئىشقا ئاشقان (29).
قەدىمدىن تارتىپ شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، پەقەت ئۆز سىنىپىغا، ئۆز مىللىتىگە ۋە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىشلارغا قارىتا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بار ئادەم ئىختىساس ئىگىلىرىنى كۆرسىتىشتە دائىم دېگۈدەك ئۆزىنى ئۇنتۇپ
شەخسىيەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەم تونۇيدىغان پاراسەتلىك كۆزلىرى ۋە شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن خالىي كۆڭلى-كۆكسى ھازىرقى ئادەملەر ئۈچۈنمۇ ئەينەك قىلىشقا تېگىشلىك.
بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك قاراخانىلارنىڭ خانى ھەسەن بۇغراخانغا دۆلەت ئىشلىرىنى دەپ ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش مەسلىھىتىنى بەرگەن، شەخسىي ئارزۇ - ھەۋەسلەردىن خالىي، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ مەرد دۆلەت ئەربابىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قوش قەۋەت مەنىلىرىگە چوڭقۇر دىققەت قىلغۇمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىك بىزگە قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ھاكىمىيەتنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ياخشىلارنى تاللاش پرىنسىپى ئارقىلىق ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقى (ئايتولدىنىڭ نۇرغۇن سىناقلاردىن كېيىن ئاندىن خاننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ۋەزىرلىككە قويۇلغانلىقى)، كېيىن ھاكىمىيەتنىڭ مىراس قېلىشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى (ئايتولدى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەزىرلىكنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە مىراس قالغانلىقى)، ئاخىرىدا ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىن ئىبارەت نازۇك ئىشنىڭ تەسەۋۋۇپ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى (دەرۋىش ئۆگدۈلمىشنىڭ ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقى) قاتارلىق ئۈچ خىل جانلىق كۆرۈنۈشنى ئېنىق كارتىنا بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ كىشىدە ئىختىيارسىز ھالدا قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا ياخشىلار تاللاپ ئىشقا قويۇلغاندا دۆلەت كۈندىن-كۈنگە روناق تاپقان، ھاكىمىيەت خان جەمەتىنىڭ قولدىن-قولغا ئۆتۈپ مىراس قالغاندا دۆلەتتە داۋالغۇش يۈز بېرىپ ھاكىمىيەتنىڭ ئۇلى تەۋرىگەن، تەسەۋۋۇپ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندە، دۆلەت مۇنقەرز بولۇشتىن ئىبارەت «ئاقىۋەت» كە قالغان دېگەن
خۇلاسىنى چىقارغۇزىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك يېرى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ياخشىلارنى بايقاش-بايقىيالماسلەقى ۋە ئۇلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇشقا ماھىر بولۇش-بولالماسلىقىدا، دېمەك، سەمىمى، ئادىل، ھەققانىيەتچى، قابىلىيەتلىك، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئون خىل ئىللەتتىن خالى، يۇقىرى-تۆۋەن ئىشىنىدىغان ياخشى بولداشلار كادىرلار خىزمىتىنى ئىشلىگەندە، ئاندىن ئىشلىرىمىز روناق تېپىپ، كادىرلارنىڭ «تۆتتە زامانىۋىلىشى» نى ھەققىي ۋە سۈپەتلىك ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ مۇشۇنداق ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن كادىرلار تارماقلىرى بولغاندىلا ئاندىن ھەققىي رەۋىتتىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيلىك، قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە تەلپۈنىدىغان ئارزۇ، قابىلىيەتلىكلەرنى تونۇشتا ئۆتكۈر كۆز، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇشتا جاسارەت، قابىلىيەتلىكلەرنى پاتقۇزىدىغان كەڭ قورساقلىق، قابىلىيەتلىكلەرنى قوغدايدىغان قورقماس ئىرادە بارلىققا كېلىدۇ.
بەشىنچى، يېڭى نەرسىلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى تولۇقلاپ تۇرۇش-بىر ئىزىدا توختاپ قالماي تەرەققىي قىلىپ بارغانسېرى روناق تېپىشنىڭ چىقىش يولىدۇر
«داۋاملىق يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى تاللاپ قوبۇل قىلىپ تۇرۇش» نىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغا ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە كىتابىمىزنىڭ 2-بابىدا قىسقىچىلا توختالغانىدۇق. بۇ ماۋزۇدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ روناق تېپىش ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇش لازىملىقى ھەققىدە
مەخسۇس توختىلىمىز.
بۈگۈنكى دۇنيا چوڭ ئۆرلەش دولقۇنى ئىچىدە تۇرماقتا. سان-ساناقسىز يېڭى بىلىملەر بالقىپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ بىلىم قاتلاملىرى كۈنسايىن يېڭىلانماقتا. نوقۇل ھالدىكى «ساپ» لىقنى قوغلىشىدىغان بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە كونا ئەنئەنىۋى قاراشلار ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قالدى. بىلىمنىڭ «ئارىلاشما» لىقى ۋە گىرەلشىپ سىڭىشىپ كېتىشچانلىقى بۇ بىر يېڭى دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىمغا ئايلانماقتا. بۇ ھازىرقى زامان ئەھلىدىن «يېڭى نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا كونا نەرسىلەرنىڭ كېرىكى يوق، سەرخىل نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا ناچار نەرسىلەرنىڭ كېرىكى يوق» لۇقىنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ ئىجادىي شەرھلەپ، ئۆزىگە «داۋاملىق يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى تاللاپ قوبۇل قىلىپ تۇرۇش» نى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىرلا مەقسەت يەنى ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي ئېھتىياجى بولغان «راۋاج تېپىش» ئۈچۈندۇر.
ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجغا بولغان تەلىپى ناھايىتى كۆپ قاتلاملىق بولسىمۇ، مۇنداق ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. بىرىنچى، دەسلەپكى ئېھتىياجى، بۇ — ياشاشتۇر. ئىككىنچى، ئاراخىل ئېھتىياجى، بۇ — بەھرىمەنلىنىش (ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە) دۇر. ئۈچىنچى، ئالىي ئېھتىياجى، بۇ بولسا راۋاج تېپىشتۇر. گەرچە بۇ ئۈچ خىل ئېھتىياج يالغۇز مەلۇم بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ھاياتىدىن خۇلاسىلەنگەندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە، بىرەر گۇرۇھ، بىرەر سىنىپ، بىرەر دۆلەت ياكى بىرەر مىللەتنىڭ ئەھۋالىغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىۋېرىدۇ. جاھاندا تۇغۇلدۇم دەپلا ياشاشنى بىلمەيدىغان، ياشىدىم دەپلا مەنپەئەتلىنىشنى ئويلىمايدىغان، مەنپەئەتلەندىم
دەپلا راۋاج تېپىشنى كۆزلىمەيدىغان ئەخمەقلەر بوق. ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مانا شۇ سەۋەبتىن جەڭگى-جېدەل، غەلۋە-غەليان، پىتنە-پاسات بولۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ - رىقابەتتۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، دۇنيا زىددىيەت ۋە رىقابەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» يېزىلغان دەۋر قاراخانىلارنىڭ ئىچكى-تاشقى زىددىيەت ۋە رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان دەۋرى بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتابىنى مانا مۇشۇ زىددىيەت ۋە رىقابەتلەرنى ئېچىپ بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنياغا زىددىيەت ۋە رىقابەت ئىچىدە كەلگەنلىكىنى، رىقابەتنىڭ قۇربانى بولۇش ئۈچۈن ئەمەس قەھرىمانى بولۇش ئۈچۈن، مەغلۇپ بولۇپ تۈگىشىپ كېتىشى ئۈچۈن ئەمەس غالىپ كېلىپ روناق تېپىشى ئۈچۈن تۆرەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ئىنسان بالىسىنى كۈرەشكە ئانلاندۇرۇش مەقسىتىدە يازغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردىكى رىقابەتنىڭ تۈگۈنى ئادالەت بىلەن جاھالەت ئىدى. ئۇ بۇ رىقابەتتە ئادالەتنى دەپ جاھالەت ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. ئۇ، «قۇتادغۇبىلىك» تە، ئىنسانغا قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، رىقابەتچىسىنى قانداق قىلىپ يېڭىش مەسىلىسىنى يورۇتقان. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى ئالدى بىلەن قانۇننى يېڭىلاشقا ئائىت ئىلاھات كۆز قارىشىدا، كونا نەرسىلەرنىڭ لەززەتىنىز بولىدىغانلىقى، يېڭى نەرسىلەرنى داۋاملىق قوبۇل قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدا، ئاندىن ھەربىي قوماندان بىلەن ئەلچىلەرنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرىدە، خەزىنىدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ سودىدا ئۇتۇپ چىقىشى، زىيان تارتماسلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىدا كۆرۈش مۇمكىن.
- «مىم» نى دوست تۇتۇش. ياپونىيە فانتازىيە
فىلىمى — «مىم» غا ئۆسمۈرلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ھەممىدىن بەك ئامراق. «مىم» — ھازىرقى زاماندا پەيدا بولغان نەرسە ئەمەس، ئۇ ئىنسان پەيدا بولغاندىن تارتىپلا بارلىققا كەلگەن، ئۇ ئادەملەردە دەۋر تەرەققىياتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ھالدا تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، بىر تەرەپلىمىلىكتىن كۆپ تەرەپلىمىلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە «مىم» غا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ھەممىدىن بەك كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما ھازىرقىدەك «مىم» ياكى «ئەقىل» دەپ ئەمەس، بەلكى ئەينى زاماننىڭ ئۆز تىلى بولغان «ئەردۇ»، «ئوقۇش» بىلەن ئاتىغان. ئۇ ئادەم بالىسىنىڭ قىمىتىنىڭ باشقا نەرسىدە ئەمەس دەل بىلىم بىلەن ئەقىلدىن بولىدىغانلىقىنى كىتابىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، كىتابىدا كىشىلەرنى «بىلىمنى بۈيۈك، ئوقۇشنى ئۇلۇغ بىل، بۇ ئىككىسى قۇلنىمۇ تولۇق يۈكسەلدۈرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا قۇللۇقتىن چىقىپ بىلىملىك، ئەقىللىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلنى باشقۇرغان قابىلىيەتلىك دانىشمەن ھۆكۈمرانلار ھەم خانىدان ئائىلىسىدىن چىققان تۇرۇقلۇق بىلىمسىز، دۆت بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلنى ۋەيران قىلغان ئىقتىدارسىز ھۆكۈمرانلار ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ قەدىرلىك-قەدىرسىزلىكى، ئۇلۇغ ياكى ئۇلۇغ ئەمەسلىكى، خەلق ئالدىدا تۆھپىسى بار-يوقلۇقى، دۇئاغا لايىق، لايىق ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ پۇقرانى قاقشىتىش بەدىلىگە كەلگەن مال-دۇنياسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، ھەشەمەتلىك-ھەشىمەتسىزلىكى بىلەن ئەمەس ئەقىل ۋە پەم-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ دۆلىتىنى ئىدارە قىلىشتا بىر قاتار ئادىل قانۇن-نىزام ئورناتقان-ئورناتمىغانلىقى، ئەلدىن
زۇلۇمنى يوقاتقان-يوقاتمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىپ كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقىل بىلەن بىلىمنى ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ، «جاھاندا بىلىمدىن قىممەتلىك نەرسە بولمايدۇ. ئەركىشى ئۈچۈن بىلىمسىز ئىكەن دېيىلسە بەكمۇ سەت بولىدۇ»، «بىلىمسىز كىشى قارىغۇغا ئوخشاش بولىدۇ»، «ئەقىل دېگەن قاراڭغۇ تۈندىكى چىراغقا ئوخشايدۇ، بىلىم يورۇقلۇق بولۇپ سېنى يورۇتىدۇ»، «بىلىم ئادەمنى گادايلاشتۇرمايدىغان، ئوغرى، قاراقچى ئالالمايدىغان بايلىقتۇر»، «بىلىمسىز كىشىنىڭ كۆڭلى قۇمغىلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا دەريانىڭ سۈيى كىرسە تولمايدۇ، ئوتمۇ ئۈنمەيدۇ»، «ئەركىشى بىلىم بىلسە كۈنسايىن بەخت تاپىدۇ، كىچىك بولسىمۇ ئورنى كاتتا بولىدۇ»، «ئادەم ھايۋاندىن بىلىم ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ. بىلىمدىن بۈيۈكرەك ھېچ نەرسە بولمايدۇ»، «ئادەم زېرەك بولسا مالدىن قىينالماس بولىدۇ. بىلىمى بولسا ئىشتا يېڭىلمەس بولىدۇ»، «ئىنسان ئىشلىرىنى بىلىم بىلەن باشلىسا، قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى بولسا، مەقسىتىگە يېتىدۇ»، «بارلىق ھەيۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلىمدىن كېلىدۇ، ئىشنىڭ قىيىن تۈگۈنلىرى بىلىم بىلەن يېشىلىدۇ»، «ئەقىل قەيەردە بولسا ئۇلۇغلۇق شۇ يەردە بولىدۇ، بىلىم كىمدە بولسا شۇ بۈيۈكلۈك تاپىدۇ»، «ئەقىلدىن باشقا نەرسىگە ھۇرمەت قىلىنمايدۇ. ئەقىلسىز ئادەم خۇددى بىر ئوچۇم لايىغلا ئوخشايدۇ»، «پۈتۈن ياخشىلىق بىلىمنىڭ پەزىلىتىدىن كېلىدۇ. ئىنسان بىلىمنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئاسمانغا چىقالايدۇ»، شۇڭا «بىلىم بىلەن ئىش قىل، تىلىڭنى توغرا تۇت، بىلىم ئۆگەن، كۈنۈڭ بىكارغا ئۆتمىسۇن»، «بىلىم بىل، ئۆزۈڭ تۆردە ئولتۇرىدىغان بول، بىلىمنى ئۆزۈڭگە كۈچلۈك قەلئە قىل» دەيدۇ(30). يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا
قويغان ئەقىل ۋە بىلىم توغرىسىدىكى بۇ قىممەتلىك پىكىرلىرى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئىلغارلىق بولۇپ قالماستىن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنە ئومۇميۈزلۈك ئەينەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلمەيدۇكى، ئۇ ئەگەر بۈگۈنكى ئادەملەرگە تەتبىق قىلىنسا، مىسلىسىز مەنىۋى ۋە ماددىي كۈچكە ئايلىنىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇرلار «قۇتادغۇبىلىك» - نىڭ ھەق مىراسخورلىرى تۇرۇقلۇق ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن «ئەقىل» بىلەن تازا ئاقىللىشالمايۋاتىدۇ.
ئەپسۇسكى، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ھەقىقىي تۈردە زامانغا لايىق ئېچىشتىن خېلى يىراقتا، ئىگىلىگەن بىلىملىرى بولسا باتۇرال ھالەتتە تۇرماقتا. بىز تېخى ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا ھەقىقىي ھالدا يۈرۈش قىلغىنىمىز يوق. بۇنى «قۇتادغۇبىلىك» تە قەيت قىلىنغان «ئەقىل» ۋە «بىلىم» نىڭ كۈچى بىلەن ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەنە شۇ «مىم» نىڭ كۈچى بىلەن ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ھەربىر ئادەمنىڭ قېشىدا بىردىن «مىم» بولۇشى كېرەك. شۇ چاغدا بىلىم ناتۇراللىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. 2. غىدىقلاش ئىچىدە غىدىقلىنىش. فىزىئولوگىيە بىلەن پىسخولوگىيىدە، ئورگانىك جىنسىملارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەمدە ئىنكاس پەيدا قىلالايدىغان ئامىللار غىدىقلىغۇچى جىسىم دېيىلىدۇ. غىدىقلىغۇچى جىسىملارنىڭ ئورگانىك جىسىملارغا بولغان تەسىرى غىدىقلاش تەسىرى ياكى غىدىقلاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاياتىدا تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت شۇنىڭدەك ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ھەرخىل، ھەر رەڭدىكى غىدىقلاشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق غىدىقلاش كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۇتىدىغان ھەرخىل پوزىتسىيىلىرىنى ئىپادىلەپ ئۇنى تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە شەكىللەر بىلەن ئۆزلىرىگە ئىجىل قىلىۋالىدۇ.
ئىنسانلار غىدىقلاشقا دۇچ كەلسە ئۇنىڭدىن قېيىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلىشىدۇ ياكى پاسسىپ ماسلىشىدۇ. ئاكتىپ ماسلاشقانلاردا مۇنداق ئالتە خىل ئالامەت كۆرۈلىدۇ. بىرىنچى، ئۆزىگە ئۆزى ناھايىتى ئوبدان، مۇۋاپىق باھا بېرىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى ئالدىمايدۇ. ئىككىنچى، ئۆزىنى ئۆزى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئۆزى تەسەللى بېرىدۇ، ئۆزىنى ئاسرايدۇ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرىدۇ، قېيىداپ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ئۆزىنى تاشلىۋېتىشنى بولسا ئۆزىنى ئۆزى يوقاتقانلىق دەپ بىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەرياندا، تەرەققىياتقا ئاكتىپ، قوللاش يوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېز ماسلىشىدۇ ھەم ئۇنى قوغلىشىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى داۋاملىق تاكامۇللاشتۇرۇپ بارىدۇ. تۆتىنچى، خىزمەتنى تاشلىۋەتمەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆز خىزمىتىنى ئۆز ھاياتىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان مەنىۋى ئوزۇق دەپ ئويلايدۇ، بىر جايدا زەربىگە ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، بۇ زىياننى خىزمەت ئورنىدىكى كۆڭۈللۈك مۇھىتتىن تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەرقانچە غىدىقلانسىمۇ خىزمەتنى تاشلىۋەتمەيدۇ، بەشىنچى، تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىدۇ. بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مۇھىتنى يەڭگۈشلەيدۇ. ئالتىنچى، ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا تېز ئۇيغۇنلىشىدۇ. ئۆزىنىڭ پىلان، مەقسەت، مۇددىئالىرى دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن، پىلان، مەقسەت، مۇددىئالىرىغا ئۇيغۇنلىشالماي قالغاندا ياكى ئارىلىقتا مەلۇم پەرقلەر بولغاندا، بۇنداق ئادەملەر تىرىشچانلىقنىڭ بۇ يېڭى غىدىقلاشقا ماسلىشالماي بىر-بىرىنى يەۋېتىپ خورىتىش جېڭى قىلىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئارزۇ،
ئىستەك، مۇددىئالىرىنى ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا مۇۋاپىقلاشتۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەم زاماننىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ھەم ئارزۇ-مۇددىئالىرىغا يېتىدۇ. غىدىقلاشقا پاسسىپ ماسلىشىدىغانلاردىمۇ ئوخشاشلا ئالتە خىل ئالامەت كۆرۈلىدۇ. بىرىنچى، ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئازراق غىدىقلانسىلا ئۆزىنىڭ غىدىقلىغۇچىسىغا پاسسىپ ھۇجۇم ياسايدۇ. يەڭگىللىرى بىرەر ئىشقا، بىرەر نەرسىگە باھانە قىلىپ «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دارىتىملاپ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ. ئوتتۇرا ھاللىرى يېقىن ئادەملىرى، ئورتاق پىكىردىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قارشى تەرەپكە كۈشكۈرتىدۇ. ئېغىرلىرى بوھتان، سۇيىقەست ۋە ھەرىكەت پىلانلايدۇ. ئىككىنچى، قورقۇپ تۈگۈلۈۋالىدۇ. بۇنداق ئادەملەر بېشىغا ئازراق ئىش كەلسىلا قورققىنىدىن كىرپىدەك تۈگۈلۈۋالىدۇ. ئۆزىنىڭ رىقابەتچىلىرى ياكى قارشى تەرىپىدىكىلەرنى، ياكى شۇلار ياشايدىغان مۇھىتنى كۆرسە، ياكى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە ئىچى دەردكە توشىدۇ. ئىمكان قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىقنى ئويلايدۇ، ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ، بۇ — مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماستىن بەلكى ئۇزاق داۋاملىشىۋەرسە غىدىقلىغۇچىنىڭ مىجەزىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۈچىنچى، كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ سۈكۈت قىلىدۇ. بۇخىل ئادەملەر ئوبيېكتىپ غىدىقلاشقا قارىتا پىنەنت قىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ، ئەتراپىدا نېمىدەپ غۇلغۇللارنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا قەتئىي قۇلاق سالماي بىغەم قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. بۇ — نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ئارسالدى بوپقالغانلارنىڭ ئىشى. تۆتىنچى، ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر بەزى ئۆزلىرى چىداپ تۇرالمايدىغان ياكى جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلە-شالمايدىغان غىدىقلاشلارغا ئۇچرىسا ئۇنىڭغا چورتلا خىيالىدىن
چىقىرىۋېتىش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ ھەمدە ئېڭى ئۇنى زادىلا ئويلاشقا يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇنتۇپ، كۆڭلىنىڭ تولۇق ئاراملىقى بىلەن پىنھان ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بەشىنچى، ئىنكار قىلىدۇ. مەلۇم بىر غىدىق غىدىقلانغۇچىغا چىداپ تۇرغۇسىز دەرىجىدە ئازاب ئېلىپ كەلگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئۇنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ ئۆزىنى قوغدايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئازاب دەردىدە پۈچۈلىنىپ كېتىشنىڭ بىر مەزگىل ئالدىنى ئالىدۇ. ئالتىنچى، ئۆز ئۆزىدىن تۈگىنىپ كېتىدۇ. بەزىلەر كۈچلۈك ۋە ھەيۋەتلىك غىدىق ئالدىدا ھودۇقۇپ كېتىدۇ، بىرنى كۆرۈپ كۆزى تورلىشىدۇ، ئاندىن كۆز ئالدىغا قاتار غىدىق ئۆچرەتلىرى كېلىدۇ-دە، توپ ئاستا-ئاستا يەل قويۇۋەتكەندەك ئۆزلۈكىدىن لاسسىدە بولۇپ سولىشىپ قالىدۇ(31). بۇ رىقابەتلىشەلمەسلىكتۇر. بۇ پەسىلدە ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پايدىسىز ئامىللارنى ياخشى تىزگىنلەپ، كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان يامان خاراكتېرلىك غىدىقلاشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.
- رىقابەتكە ئاكتىپ قاتنىشىش. ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى رىقابەت ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۇ — قانۇنلۇق، قانۇنسىز، مۇۋاپىق-نامۇۋاپىق، ئادىل-ئادالەتسىز، توغرا-ناتوغرا ھالدا داۋام قىلىدۇ. ھازىر كىشىلەر ئادىل بولۇشنى تەلەپ قىلىشماقتا. «خەلق گېزىتى» نىڭ 1989-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانىغا شىن يەننىڭ «ئادىل بولغاندىلا ئىچكى يىغىلىش كۈچى بولىدۇ» دېگەن بىر پارچە ماقالىسى بېسىلغان. ماقالىنىڭ قارىشىچە، «قابىلىيىتىگە يارىشا تەقسىمات قىلىش — ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەڭ ئادىل بولغان تەقسىمات پرىنسىپى» بولۇپ، نۆۋەتتە نۇرغۇن كارخانىلار بۇ پرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقتىن، كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى
زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشمەكتە ئىكەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، «ئەلۋەتتە، كارخانىلاردا قابىلىيىتىگە يارىشا تەقسىمات قىلىش پرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھەقىقىي ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، مەلۇم ماكرولۇق شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەك. ھازىر بۇ شارائىت تېخى تولۇق ھازىرلانغىنى يوق، ئەمما بىز شارائىت ھازىرلانغاندىن كېيىن ئىشلەيمىز دەپ كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك» دېيىلگەن. بۇ ماقالىنىڭ قوزغىتىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك.
ئىرادىسى ئاجىز ئادەملەر رىقابەتلىشىشكىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىر كىشى بىر زىيالىينىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قانۇرۇۋېتىپ پارتىيىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشتە سىياسىتىنىڭ پارلاق ھەم توغرىلىقى، ئەمما كونكرېت ئىجرا قىلىنىدىغان چاغدا ئۇنىڭ داۋاملىق توسالغۇغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان زىيالىيلاردا بىرخىل مەيۈسلىنىش، ئىخلاسى يېنىپ كېتىش كەيپىياتلىرىنىڭ ئۆسۈپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يېتىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن دەرد تۆككىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدىن «زامان تۈزەلسە يامان تۈزىلەمدۇ ياكى يامان تۈزەلسە زامان تۈزىلەمدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ كەسكىن قىلىپ: «زامان تۈزەلسە يامان تۈزىلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ ئۇنىڭ سەل كالتە پەم زىيالىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ-دە، ئۇنىڭدىن: «ئۇنداقتا زاماننى كىم تۈزەيدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ، دەل ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك جاۋاب بېرەلمەي تۇرۇپلا قاپتۇ. ئۇ «زاماننى تۈزەش» بىلەن «ياماننى تۈزەش» نىڭ دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى تازا چۈشەنمەيدىكەن، يامانلارنى بەدەل تۆلەش ئارقىلىق تۈزىگەندىلا ئاندىن زاماننىڭ تۈزىلىدىغانلىقى، زامان تۈزەلگەندىلا ئاندىن يامانلارغا بازار قالمايدىغانلىقىنى
ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەن. بىلىش كېرەككى، تۈزۈلگەن سىياسەتنىڭ توغرا بولۇشى بىلەن ئىجرا قىلىنىشنىڭ توغرا بولماسلىقى، يامانلارنىڭ بازارنى ئىشغال قىلىۋېلىشى بىلەن زامان ئەھلىنىڭ ئۇلاردىن بىزار بولۇپ تۇلارغا يول قويماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىدىغان ئادالەت بىلەن جاھالەت، توغرىلىق بىلەن ئەگرىلىك ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دىئالېكتىكىنىڭ قارىشىچە، پەرق مۇتلەق، بىرلىك نىسبى، ئادالەتسىز رىقابەت مۇتلەق، ئادىللىق نىسبى بولىدۇ. ئىنسانلار دۇنياسى ئادالەتسىزلىك بىلەن تولغان بولۇپ «تەڭشەلمىگەن ئالەم»، جەمئىيەت مەيلى قانچە تەرەققىي قىلىپ كەتسۇن، ئۇنىڭدىكى رىقابەت تەڭلىك فورمۇلىسى بويىچە داۋام قىلمايدۇ.
سوتسىيالىستىك تۈزۈممىزدىكى ئادىللىقنى بەزىلەر كىرىمنىڭ باراۋەرلەشتۈرۈلۈشى دېسە، بەزىلەر پۇرسەتنىڭ باراۋەرلەشتۈرۈلۈشى دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش دەيدۇ، بۇ ئۈچ خىل قاراشنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋلىسى باردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسىنىڭ داۋلىسى مۇكەممەل ئەمەستۇر. ئۇنىڭ مۇكەممەل بولالماسلىقى، ئۇلارنىڭ پەقەت مەلۇم بىر نۇقتىدىن چىقىپ، ئادىللىقنى يەك قەۋەت مەنىسى بويىچە تەھلىل قىلغانلىقى ۋە چۈشەنگەنلىكىدە، شۇڭا قايسى خىل كۆز قاراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى بىردەك نەزەرىيە جەھەتتىكى نامراتلىق ۋە كونكرېتنى ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ.
ئادىللىقنى كىرىمنىڭ باراۋەرلەشتۈرۈلۈشى دېگۈچىلەر كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنى بىرخىللاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق بىرخىل ئادىللىقنى شەكىللەندۈرمەكچى بولىدۇ. ھالبۇكى،
مۇنداق كىرىمنى زورمۇزور باراۋەرلەشتۈرۈش يەنە بىرخىل ئادىل بولماسلىققا زېمىن ھازىرلايدۇ. يەنى ئەمگەك، پۇل، مال-مۈلۈك، تەۋەككۈل قىلىش ۋە تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ بەدەل تۆلىگۈچىلەرنىڭ كىرىمنى ئاز بەدەل تۆلىگۈچىلەرنىڭ كىرىمى بىلەن تەڭسىز ھالدا باراۋەرلەشتۈرۈشتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىمنى باراۋەرلەشتۈرۈش دېگەننىڭ ئۆزىمۇ بىر نىسپىي نەرسە. چۈنكى، ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى (نوپۇسى، ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەملىرىنىڭ سانى قاتارلىق) ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئائىلىلەرگە كىرىدىغان كىرىمىنىڭ سانىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئوخشاش تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغىنى ئوخشىمغان ئائىلىۋى كىرىم سەۋىيىسى بولىدۇ. قىسقىسى، كىرىمنىڭ باراۋەرلەشتۈرۈلۈشى ئوخشاش سەۋىيىدىكى پاراۋانلىق سەۋىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، ئەكسىچە، تەڭ تەقسىماتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان ئامىللارنى جارى قىلدۇرۇش ئاكتىپچانلىقىغا كاشىلا سالىدۇ.
ئادىللىقنى پۇرسەتنىڭ باراۋەرلەشتۈرۈلۈشى دېگۈچىلەر ھەربىر ئادەمنىڭ بازار رىقابىتى ۋە باشقا سورۇنلاردىكى بەھرىمەنلىنىشلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتى، ئۇتۇپ چىقىش پۇرسىتى ياكى تاللىۋېلىش پۇرسىتى ئوخشاش بولۇش كېرەك، دېگەننى تەكىتلەيدۇ. جەمئىيەت ھەربىر ئادەمنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزىنى بېيىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، باراۋەر رىقابەتلىشىشنىڭ تاشقى مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ شارائىتىدىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان باراۋەرسىزلىكلەرنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان تۇغما قابىلىيەتلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كاپىتال ۋە مەبلەغقە بولغان ۋارىسلىق قىلىش، ئىگىلەپ تۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئوخشاش
بولمايدۇ ھەم مەلۇم بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغان ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن رىقابەتكە قاتنىشىش پۇرسىتى، ئۇتۇپ چىقىش پۇرسىتى، تاللىنىش پۇرسىتىمۇ باراۋەر بولمايدۇ، مىسال ئۈچۈن ئالساق، تۇغما قابىلىيىتى (تەبىئىي شارائىتى) ياخشى، ساپاسى يۇقىرى بولغان ئەمگەكچىلەر تۇغما قابىلىيىتى (تەبىئىي شارائىتى) ناچار، ساپاسى تۆۋەن ئەمگەكچىلەرگە قارىغاندا، كۆپرەك تاللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، مەبلىغى كۆپرەك زاۋۇت باشقۇرغۇچىنىڭ قەرز پۇل ئېلىش-بېرىشى مەبلىغى ئازراق زاۋۇت باشقۇرغۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر نوقۇل ھالدا مۇشۇنداق « پۇرسەت باراۋەرلىكى» نى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان ئادىللىق بىلەن سىياسەتلەرنى تۈزسە ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىنسا، ئۇنىڭ نەتىجىسى جەمئىيەتتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى خىلدىكىلەر ئادىللىقنىڭ مەنىسى بىلەن ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشتا سۈپەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ۋە سان جەھەتتىكى پەرقنىڭ بولىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكنى يەنى نورمىلىق ئەمگەككە نورمىلىق ھەق بېرىشنىڭ تېخى پۈتۈن جەمئىيەت دائىرىسىدە ئىشقا ئېشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ تولۇق پىشىپ يېتىشمىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتمىغان بولىدۇ. چۈنكى، ئوخشىمغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت شارائىتى ھەم تىجارەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. گەرچە ھەرقايسى كارخانىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ سەرپ قىلغان ئەمگىكى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمەلىي كىرىمى ئوخشاش بولالمايدۇ، ھەتتا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن ئادىللىق ھازىرقى باسقۇچتا دائىرە
خاراكتېرلىك قىممەن ئادىللىق خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، تېخى پۈتكۈل جەمئىيەت دائىرىسىدىكى ئادىللىق بولۇپ ھېسابلىنالمايدۇ.
ئادىللىق ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بىر كاتېگورىيە بولۇپ، ئۇنى يۈزەكى ھالدا ئاددىي چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇ، ئىقتىسادىي ئادىللىق ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقتىن ئىبارەت قوش قەۋەت مەنىگە ئىگە. ئىقتىسادىي ئادىللىق - كىشلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان رىقابىتىنىڭ تاشقى شارائىتنىڭ ئوخشاش بولۇشى ھەم كىشلەرنىڭ سالغان ئامىللىرىنىڭ سان ۋە سۈپىتىگە ئاساسەن رىمنى تەقسىم قىلىشتىن ئىبارەت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي ئاددىيلىقمۇ كىشلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ باراۋەر بولۇپ، باراۋەر ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلىشىنى ھەم كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم جەھەتتە بولىدىغان پەرقنىڭ جەمئىيەت پسىخىكىسىنىڭ چىداملىق ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى يەنى، كىرىم پەرقىنىڭ مۇۋاپىق بولۇپ، كىرىم تەقسىناتىنىڭ ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇش ھاجىتىنى قاندۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي ئادىللىقنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى ئامىل سېلىش بىلەن كىرىمىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولسا، ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقنى مۇۋاپىق دائىرىگە تەڭشەپ، ھەممە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش بولىدۇ. ئىقتىسادىي ئادىللىققا قاراشنىڭ ئۆلچىمى - تاۋار ئىگىلىكىدىكى باھانى تەڭشەش پرىنسىپى بولۇپ، ئۇ، ئىقتىسادىي ۋە دەرىجىدىن
تاشقىرى ئىقتىسادىي مونوپولىيە بىلەن ئىتتىيازنى يوق قىلىپ مۇۋاپىق ھالدىكى رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئادىللىققا قاراشنىڭ ئۆلچىمى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى شارائىتى ئاستىدىكى ئورتاق بېيىش پرىنسىپى بولۇپ، ئۇ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، قانۇن ۋە مەمۇرىي ۋاسىتىلىرى يەنى ھۆكۈمەتنىڭ تەقسىمات مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ، كىرىمنىڭ قايتا تەقسىملىنىشىنى تەڭشەش ھەمدە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. ئىقتىسادىي ئادىللىق بىلەن ئىجتىمائىي ئادىللىق ئوتتۇرىسىدا ھەم پەرقلەر بولىدۇ، ھەم بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇلارنىڭ پەرقى، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئىككىسىنىڭ تەبىرى، نەتىجىسى، ئۆلچىمى ۋە ئىشقا ئېشىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا بولسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى — ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى شارائىتى ئاستىدا، ئىقتىسادىي ئادىللىقنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىققا قاراپ شوتسىمان تەرەققىي قىلىش تەلىپىنى ھەم رېئالنى مۇمكىنچىلىكنى ھازىرلىغاندا ئىپادىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ئادىللىق ئىقتىسادىي ئادىللىقنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت قىلغان بولۇپ، ئۇ، كىرىم تەقسىماتىغا قارىتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئادىل بولماسلىق — ئادىل بولۇشقا ئوخشاش بەكمۇ مۇرەككەپ بولغان بىرخېل مەسىلە. ئاددىيراق قىلىپ تۈرلەندۈرگەندە، ئۇنى ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى ئادىلسىزلىق ھەم سۇبيېكتىپ سېزىمدىكى ئادىلسىزلىق دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا جەمئىيەتتە «ئوپېراتسىيە پىچىقىنى تۇتقانلار ئۇستىرا تۇتقانلارغا يەتمەيدۇ،
ئاتوم ياسايدىغانلار كوچىدا چاي ساتقانلارغا يەتمەيدۇ» دېگەن قىزىق گەپ تارقالدى. مانا بۇ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتتىكى ئادىلسىزلىق، يەنە مەسىلەن ئالايلۇق، قانۇننىڭ ئۆزىدىن قىلىپ ئېيتقاندا، بىر دۆلەتتە بىرلا قانۇن بولۇشى ۋە ئوخشاش تەتبىقلىنىشى لازىم، شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئادىل بولغان بولىدۇ، ھالبۇكى، بەزى ھاللاردا ئىمتىيازنىڭ غالىب كەلگەنلىكىدىن ھەقىقەت يېپىلىپ، بىر دۆلەتتە بىرقانچە خىل قانۇن پەيدا بولۇپ، ئوخشاش تەتبىق قىلىنمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ ئادىلسىزلىقتۇر. ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتتە قانداق ئادىلسىزلىق بولغان بولسا، سۈببېكتىپ سېزىمدىمۇ شۇنداق ئادىلسىزلىق بولىدۇ. مەسىلەن، كىچىك ۋاقتىدا بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن بەزىلەر باشقارما باشلىقى، بەزىلەر مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بەزىلەر پروفېسور، بەزىلەر ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى، بەزىلەر مىليونېر، بەزىلەر بولسا بىر جېنىنى باقالمايدىغان نامرات يوقسۇللاردىن بولىدۇ. ئەسلى ئادىللىق ئۇقۇمىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار بىر سىنىپتا ئوقۇغانىكەن ئۆسسە تەڭ ئۆسۈشى، ئالىم بولسا تەڭ بولۇشى، پۇل تاپسا تەڭ تېپىشى لازىئىم ئىدى. شۇ چاغدىلا ئىش ئۆزىنىڭ ئادىل ئۆلچىمىنى تاپقان بولاتتى. ئەمما ئوبيېكتىپ رېئاللىقتا ئۇنداق ئادىل ئىش يۇق. بۇ پەردىكى مەسىلە مەيلى قايسى جەھەتتىن قارىمايلى، بىزلا ئىشنى يەنى جامائەت پىكرى تەييار قىلىشنى كۆزدە تۇتقان. بۇنداق «ئادىلسىزلىق» نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ بىرلا ئۇسۇلى بار، يەنى ئۇ بولسىمۇ، ۋاقىتنى چەك سىزىقى قىلىش. ۋاقىتنى چەك سىزىقى قىلغاندا، دەسمايسىگە قاراپ سەپكە تۇرغۇزۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەسمايسىگە قاراپ سەپتە تۇرغۇزۇلمىسا بۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما دەسمايسىگە قاراپ سەپكە تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆزى بىر بۆلۈك ھەقىقىي تالانتى
بارلارنى كۆمۈپ قويدۇ — ئەسلىدە تالانتى بارلار كۆپرەك ئىشلىشى، مۇھىمراق ئىشنى ئىشلىشى، چوڭراق ۋەزىپىلەرگە قويۇلۇشى كېرەك، شۇ چاغدا ئىش راۋاج تاپىدۇ. ئەلنىڭ ئىشىنى راۋاج تاپتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلماي بولمايدۇ. ئەمما ئىشىنىش كېرەككى، پۈتۈن يەر يۈزىدە ئەقىل يوقاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قابىلىيەتسىز، نادانلار ئۆزىنى ھەرگىز قابىلىيەتسىز ۋە نادان دېگۈسى كەلمەيدۇ، شۇڭا ياخشىلارنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە باھالاپ ھەر سەۋەب بىلەن ناچارلىقتا ئەيىبلەيدۇ، بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قابىلىيەتلىكلەرنىڭ جاھان سورىشى بىلەن يارامسىزلارنىڭ ھوقۇقنى ئەخمەق ئېتىشى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتۇر.
ئەسلىدىكى ئادىللىق ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، بىلىملىكلەر قەدىرلىنىشى، بىلىمسىزلەر قەدىرلەنمەسلىكى، توغرا يولدا ماڭىدىغانلار قەدىرلىنىشى، ئەگرى يولدا ماڭىدىغانلار قەدىرلەنمەسلىكى، ئىقتىدارلىقلار قەدىرلىنىشى، ئىقتىدارسىزلار قەدىرلەنمەسلىكى، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەنىۋى بايلىق ياراتقۇچىلار قەدىرلىنىشى، ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىپ تەخسىكەشلىك بىلەن جان باقىدىغانلار قەدىرلەنمەسلىكى كېرەك. ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشتا مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشقا ئاشۇرۇش تولىمۇ قىيىن بولغان مۇرەككەپ مەسىلە. قەدىرلەشكە تېگىشلىكلەر خورلىنىدىغان، خورلاشقا تېگىشلىكلەر قەدىرلىنىدىغان، جازالاشقا تېگىشلىكلەر مۇكاپاتلىنىدىغان، مۇكاپاتلاشقا تېگىشلىكلەر جازالىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. قىسقىسى، جاھالەت ھەممە دەۋردە ئۆزىگە خاس مەزمۇنلار بىلەن بېيىپ ئادالەتكە كۈشەندە بولۇپ بارىدۇ، مەلۇم بولۇشىچە، 1965-يىلى ئامېرىكىلىق ئادامس دېگەن
بىر كىشى سېزىم جەھەتتىكى ئادىلسىزلىقنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ باش قاتۇرغان، ئاخىرىدا «ئادىللىق مۇناسىۋىتى تەڭلىمىسى» دېگەن تەڭلىمىنى تۈزۈپ چىققان، ئۇ تەڭلىمىنىڭ سول تەرىپىگە بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئېرىشكەن مۇكاپات ھەققىگە بولغان سېزىمى بىلەن ئۆزىنىڭ شۇ ئىشقا كەتكەن سېزىمىدىن ئىبارەت قوش سېزىمنىڭ نىسبەت قىممىتى قويۇلغان. تەڭلىمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بولسا، ئوخشاشلا يەنە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە سېلىشتۇرماقچى بولغان ئادىمنىڭ يەنە شۇ ھېلىقى ئىككى تەرىپىگە بولغان نىسبەت قىممىتى قويۇلغان، ئەگەر تەڭلىمىنىڭ ئىككى تەرىپى ئۆزئارا تەڭلەشسە ياكى پەرق چوڭ بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم ئادىل ياكى ئاساسەن ئادىل دەپ قارىلىدىكەن. ئەگەر تەڭلىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە پەرق بولسا ياكى پەرق ئالاھىدە چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئادىل ئەمەس ياكى بەكمۇ ئادىل ئەمەس دەپ قارىلىدىكەن(32). بۇ تەڭلىمە گەرچە ناھايىتى ئاددىي بولسۇمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلەيدۇ. كىشىلەر ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ تەڭلىمە تۈزۈپ چىقىپ، ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىگە قارىتا مۇرەككەپرەك يوسۇندا سېلىشتۇرما قىلىپ باقسا بولىدۇ، بۇ يەردىكى دېيىلىۋاتقىنى سېزىمدىكى سېلىشتۇرۇش. سېزىممۇ كۆز قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر كۆز قاراش توغرا بولمىسا، سېزىممۇ مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئادىل دەپ ھېس قىلغىنىنىڭ ئادىل بولۇشى، ئادىل بولمىدى دېگىنىنىڭ ئادىل بولماسلىقى ناتايىن. مەسىلەن، ئېتىزدا ئىشلەيدىغان دېھقان بىلەن ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان بىر كادىرنىڭ سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىسى بىلەن ئىگە بولغان ئىش ھەققى ئوتتۇرىسىدىمۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سېزىمدىكى ئادىلسىزلىق مەۋجۇت. ئېتىزلىقتا كەتمەن بىلەن يەر تىلغاپ
ئىشلەيدىغان دېھقان كۈنبويى ئىشخانىدا «بىكار» ئولتۇرىدىغان زىيالىينىڭ مائاش ئالغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۆزى ئاقتۇرغان تەرنىڭ \frac{1}{10} قىسمىنىمۇ ئاقتۇرماي تۇرۇپلا ئاي توشسىلا نەچچە يۈز يۈەنلەپ كىزىمگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تازا ئىچى پۇشىدۇ. ئىچى پۇشقانسېرى بۇنىڭ بىر خىل «ئادىل-سىزلىق» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل سەزگۈ بىلەن ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ۋە «ئادىل»، «ئادىل-سىزلىق» نى باھالايدىغان ئادەملەر ئاز ئەمەس. بۇ-ئىلمىي رىقابەتلىشىشنىڭ ناھايىتى چوڭ دۈشمىنى. ئۇلار ئۆزلىرى تەرلەپ-پىشىپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىرىدا باشقىلارنىڭ قېتىرقىنىپ ئەقلىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ نوقۇل تەر ئاققۇزۇپ، كالىدەك بۇشۇلداپ ئىشلەشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ رىقابەتچىلىرىدەك بىلىم بىلەن ئەقىلگە تايىنىشىنى، بۇ «ئادىلسىزلىق» لارنى قارا كۈچ بىلەن ئەمەس، بەلكى بىلىمگە ۋە بىلىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھاسىل بولغان زور ھاياتىي كۈچىگە تايىنىش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ئەزالارنىڭ ئۆتەيدىغان ۋەزىپىلىرىنى بىرى بىرىگە ۋەكالىتەن ئۆتەپ قويالمىغاندەك، ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى جىسانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار ئۆتەپ قويالمايدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش ئادەم بولغاندىكىن ئەسلىدە ئۆتەپ قويسا بولاتتى، شۇ چاغدا ئادىل بولغان بولاتتى. ئەمما ئەقىلنىڭ، ئىدراكنىڭ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بۇ يەردە تەبىئىي ھالدا بىر ئادىلسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. «تارىخىي خاتىرىلەر، سۈن ۋۇنىڭ تەرجىمالى»دا: «ئىشقا يارايدىغانلار سۆزگە يارىماس، سۆزگە يارايدىغانلار ئىشقا يارىماس» دېيىلگەن(33). ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن شۇنداق ئىش مەۋجۇت. ئالايلۇق،
بەزىلەر «زۇڭتۇڭ سايلاش قانۇنى»، «دۆلەت باشلىقى توغرىسىدا» دېگەنگە ئوخشاش داڭلىق كىتابلارنى يازالسىمۇ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنالىشى ناتايىن، ئەكسىچە زۇڭتۇڭ بولغان نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاشۇنداق كىتابلارنى يازالىغىنى يوق. مانا مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلىدىن بەزى قولىدا ھوقۇقى بار ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجرىبە ۋە رەھبەرلىك سەنئىتىگە باي ۋە ماھىر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ئىلىم ئەھلىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بەزى ئىلىم ئەھلىلىرى بولسا قورسىقىدا ئۈمىچى بارلىقى ۋە قەلەم قابىلىيىتى بارلىقىدىن پەخىرلىنىپ ئەمەلدارلارنى مەنسىتمەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىشقا يارايدىغانلارنى سۆزگە يارايدىغان قىلىش، سۆزگە يارايدىغانلارنىمۇ ئىشقا يارايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.
ئادالەتسىز رىقابەت ئىچىدە غەلىبە قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ. ئەمما ئۇ كىتابقا پۈتۈلمىگەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئېنىق كۆرسەتمە بەرمىگەن، پەقەت ئەقىلنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان. بەزىلەر ئۇنى «كۆڭۈلدىلا بىلىپ ئېغىزدىن چىقارغىلى بولماس پەم» دەپ ئاتىشىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئاشۇ «پەم» لەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە رېتى-رېتى بويىچە ئورۇندىلىپ كېتىدۇ. ھەرقانداق بىرەر كونكرېتنى ئۇسۇل مەلۇم بىر ئالاھىدە مۇھىتتا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، باشقا بىر مۇھىت ئاستىدا بولسا ئاقمايدۇ. شۇڭا ئادەم ئۆزىنىڭ رىقابەت ئىچىدىكى ئارزۇ، مۇددىئا، ئۇسۇل، تەدبىرلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىمەن دېسە چوقۇم دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1991-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئۇيغۇرچە سانىغا شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسىنىڭ «ئىسلاھات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرايلى»
سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بېسىلدى. ئۇنىڭدا: «كەلگۈسى ئون يىلدا شىنجاڭ بازار رىقابىتىدىن ئىبارەت ئەڭ ئېغىر مۇسابىقىگە دۇچ كېلىدۇ. بازار رىقابىتىدە ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچىرى شاللىۋېتىلىدۇ. بۇنىڭدا يۈز-خاتىر قىلىنمايدۇ» دېيىلگەن. 1988-يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە سانىغا يولداش جاڭ شۈيىڭنىڭ «رىقابەت مېخانىزمى كىرگۈزگەندە مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرامدۇ؟» ناملىق بىر پارچە ماقالىسى بېسىلغان. بۇ ماقالىدە، مىللىي رايونلاردا تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رىقابەت مېخانىزمىنىڭ مىللىي رايونلارغا كىرىدىغانلىقى ۋە مىللىي ئىگىلىككە سىڭدىغانلىقى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بەزىلەرنىڭ رىقابەت مېخانىزمى كىرگۈزۈلسە، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش ئەندىشلىرىگە ئىلمىي ھالدا جاۋاب بېرىلگەن. يولداش جاڭ شۈيىڭنىڭ قارىشىچە، مۇنداق ئەندىشە قىلىشلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىكلەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق، ئۇنىڭچە بولغاندا «مىللىي رايونلارغا رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈش ھەرگىز قايسىبىر مىللەتنى شاللىۋېتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ»، ئۇ، «كاپىتالىزمغا خاس نەرسە بولماستىن، بىرنەچچە خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن»، ئۇ، «تاۋار ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى جەھەتتىكى باراۋەر پۇرسەتتىن، باراۋەر ئورۇندىن، باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەرقانداق ئىمتىيازنىڭ بولۇشىغا يول قويمايدۇ.»، «ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئىمتىياز ئىدىيىسى، ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتى تاۋار ئىگىلىكىدە ئاقمايدۇ.»، «رىقابەت مېخانىزمى مىللەتلەرنىڭ روناق تېپىشى ۋە قۇدرەت
تېپىشىغا پايدىلىق» بولۇپ، «مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇ مىللىي ھۇرۇنلۇق كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، مىللەتنىڭ جاسارەت بىلەن يۈكسىلىشىگە، شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئويغىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ». يولداش جاڭ شۈيىڭنىڭ بۇ ماقالىسىدە ناھايىتى توغرا بىر ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ، تەپەككۇرىمىزچە، ئادەملەر يېڭىلىقلار ئالدىدا ھامان ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. ئادەملەرنىڭ يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى ئىپادىسىنى «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دىكى «مېڭىشى ئۆزگەرگەن بىلەن مېڭىسى ئۆزگەرمىگەن» دېگەنگە ئاساسەن شاخچىلاتقاندا، مۇنداق ئۈچ خىلغا ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى، مېڭىشى ئۆزگەرگەن، مېڭىسىمۇ ئۆزگەرگەنلەر. ئىككىنچى، مېڭىشى ئۆزگەرگەن ئەمما مېڭىسى ئۆزگەرمىگەنلەر. ئۈچىنچى، مېڭىسىمۇ ئۆزگەرمىگەن، مېڭىسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەر. بىرىنچى خىلدىكىلىرى غالىبلار بولۇپ، ئۇلار خۇددى پۇتبولچىلارغىلا ئوخشايدۇ، ئۇلار يېڭى شەيئى ئالدىدا ئىككىلىنىپ تۇرمايدۇ، ئوڭ-سول يېقى، ئالدى-كەينى تەرەپلىرىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق خاراكتېردىكى ھۇجۇمنى قارشى ئالىدۇ، دەرھال ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە شۇ ھۆكۈمى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكىلەر، بىرەر يېڭى ئىدىيە، يېڭى پائالىيەت،… قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقان، دەرھال ئۇنى قوللايدۇ، ئۇنىڭغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدۇ، قىزغىن قارشى ئالىدۇ ھەتتا ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ، ئەمما كاللىسى قۇرۇق بولغاچقا، ئۇلاردا «ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق»، شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ «تۈتۈنى كۆپ، يالقۇنى ئاز». ئۈچىنچى خىلدىكىلەر يېڭى شەيئى مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. ئامال ئىزدەپ ئۇنىڭ قۇسۇر-نۇقسانلىرىنى ئىزدەيدۇ.
ئالدى-كەينىگە قاراپ بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ، بۇنداق ئادەملەردىن مەغلۇپ بولمايدىغانلىرى يوق، ياخشى پۇرسەت ناھايىتى كۆپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا دىلى تارتمايدۇ، بۇلار ئەندىشىخور، كونسېرۋاتىپ ئادەملەر. ئۇلاردا باشقىلارنى مۇسابىقىگە چاقىرىدىغان جاسارەت يوق، ئۇلار ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆتكەن كۈنىگە پۇشايمان قىلىپ ئۇھ تارتىدىغانلار ياكى بولمىسا ئۆسەك سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ھەجۋى قىلىدىغانلار، ياكى بولمىسا قۇرۇقتىن - قۇرۇق قايناپ قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىدىغانلار.
يۇقىرىدا توختالغىنىمىزدەك، جەمئىيەتتە ئادىل بولمىغان تەڭسىزلىكلەر داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ قانۇنىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەڭسىزلىكنىڭ بىر خىل رېئاللىققا ئىگە ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە قېيىداشتىن ئۆزىمىزنى ئازاد قىلىپ، كۈچلۈك رىقابەت كۆز قارىشىنى تىكلىشىمىز كېرەك. ئۇنى ھازىر بەزىلەر «قېيىداش پسىخىكىسى» دەپ ئاتىدى، بۇ ناھايىتى توغرا ئاتاشتۇر.
- ۋاقىتنى تېجەپ يېڭى بىلىم ئىگىلەش. بىر قىسىم ئادەملەر باركى، «ئۆگىنەيلى دېسەك ئۆگىنىش پۇرسىتى يوق» دەپ قېيىدىشىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقان چاغلىرىدا پۇرسەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. بىلىشى كېرەككى، «ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش» دەپ قاراپ تۇرغان بىلەن چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ. مەدەنىيىتى ئالغا كەتكەن مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيىتى نىسپىي ئارقىدا قېلىۋاتقان مىللەتلەر، ئىقتىسادى ئالغا كەتكەن بىر رايون بىلەن ئىقتىسادى نىسپىي ئارقىدا قالغان بىر رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان پەرقلەرنى مەلۇم جەھەتتىن سىياسەتكە، سىياسەتنىڭ ئادىل ۋە توغرىلىقىغا
تايىنىپ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. لېكىن بۇنداق پەرقلەرنى مەدەنىيىتى نىسپىي ئارقىدا قالغا مىللەت بىلەن ئىقتىسادى نىسپىي ئارقىدا قالغان رايوننىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا، ساۋاتسىزلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ بېرىشىغا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىلىم قاتلاملىرىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىغا، قىسقىسى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئامىلىغا تايانماي تۇرۇپ ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنى ئويلاش — ئۇ بىر تىرىكتاپلىق ھەم خام خىيالدۇر، بۇنىڭ ئۆزى رىقابەتتۇر، بۇ رىقابەتنى سىياسەتكە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ رىقابەتلىشىۋاتقان تەرەپنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ — كىتابتىن كۆرگىلى بولمايدىغان، كىتابقا يازغىلى بولمايدىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە راستلىقى كۈندە ئىسپاتلىنىپ تۇرۇۋاتقان ھەقىقەتتۇر. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1986-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى ئۇيغۇرچە سانىغا يولداش شى سېنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش لازىم» دېگەن ماقالىسى بېسىلغان. ئۇنىڭدا: «بىر مىللەتنىڭ ھەممە ئىشتا، ھەممە يەردە باشقا مىللەتلەرنىڭ ياردىمىگە تايانغان ياكى ئۆز ئىشىنى باشقا مىللەتلەرگە قىلدۇرغان ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى باشقا مىللەتلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ باشقۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېيىلگەن. بۇ ماقالىدە دېيىلگەن بۇ مەسىلىنى ماقالىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، ئۇ ئەقىل ئىگىسىنى نەچچە كېچە ئويغا سالماي قويمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تارىخىۋىناسى سەي شياڭسى ئەپەندى بىر قېتىم مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا چاۋاب بېرىپ: بەزىلەر مېنىڭدىن دائىم، سىز قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دەپ سورايدۇ. مەنغۇ مۇنداق جەدۋەللەردىن نۇرغۇنلىرىنى
تولدۇرۇۋەتكەنمەن، ئەمەلىيەتتە مەڭگۈ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولالمايدىغان بىر ئاسپرانتمەن. بىلىم دېڭىزىنىڭ چېكى يوق تۇرسا، قانداقمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولىدىغان كۈنۈم بولسۇن، دېگەن. مەلۇم كەسىپتىكى بىر مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شاھادەتنامىنى قولغا ئالغاندا، ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش كېرەك، بەزى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ 1983-يىلىدىكى ستاتىتىكا قىلىشىغا قارىغاندا، 1984-يىلىغا كەلگەندە 1976-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئالغان بىلىمنىڭ %50 نى يېڭىلاشقا توغرا كەلگەن. دەۋر ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭى بىلىملەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بىلىش كېرەككى، ھازىرقى زامان « بىلىم قابىلىيەتكە، دىپلوم سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ » دېگەن قاراشنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلماقتا.
ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ فرانس بىكون (مىلادى 1561 — 1626) ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم « كۈچنى بىلىم ئېھاتىسىنى كېڭەيتىشكە سەرپ قىلىش لازىم »، « چوقۇم ئالدىنقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان غەيرەت » بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇ، « ئادەملەرنىڭ تۇغما تەبىئىتىنى خۇددى ياۋا گۈلگە ئوخشاتساق، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ئىلىم تەھسىل قىلىش خۇددى ئۇنى قىرقىپ، كۆچۈرۈپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ، پراكتىكا قىلىپ سىناق قىلىش بولسا-بىلىمنىڭ ئەسلى قىياپىتىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈندۇر. »، « ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە كىشى گەرچە مەلۇم ئىشلارنى بېجىرەلسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي خاراكتېردىكى ئىشلارنى كۆزىتىش، پىلانلاشتا يەنىلا بىلىمگە تايىنىلىنىدۇ. »، « مەككار كىشىلەر بىلىمگە ئېتىبارسىز قارايدۇ، ھاماقەت كىشىلەر بىلىمگە ھەۋەس قىلىپ باقىدۇ. پەقەت ئەقىللىك كىشىلەرلا بىلىمنى ئىشلىتىدۇ »
دېگەن. ئۇ يەنە «ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ماختاپ كۆرەڭلەش بولماستىن، بەلكى ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈندۇر»، «ئۆزىنى پەردازلاش ئۈچۈن تەھسىل قىلىنغان ئىلىم ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالدايدۇ» دېگەن.
بىلىم ئىگىلەشتە ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش كېرەك، ناپولېئون ئۆزىنىڭ ئاۋسترىيە قوشۇنلىرىنى تېز مەغلۇپ قىلالىشىدىكى بىر سەۋەبنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبى ئاۋسترالىيە قوشۇنلىرىنىڭ بەش مىنۇت ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلەلمىگەنلىكىدە، دېگەن. ماركس: «مەيلى شەخس بولسۇن، مەيلى جەمئىيەت بولسۇن، ئۇنىڭ راۋاج تېپىشى، تەلەپكە بولغان ئىنتىلىشى ھەم پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈكى ۋاقىتنى تېجەش بىلەن بەلگىلىنىدۇ. بارلىق تېجەشلەر تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن بولىدۇ. ھەربىر ئادەم ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ھەر تەرەپلەردىكى بىلىملەرگە ياكى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى رازى قىلىدىغان ھەر خىل تەلەپلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋاقىتىنى مۇۋاپىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك» دېگەنىدى.
ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىشتە لۇشۇن بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز. باشقىلار ئۇنىڭدىن، سىز شۇنچىۋالا كۆپ ئەسەرنى قايسى ۋاقتىڭىزدا يازىسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ، باشقىلار ساماۋارخانىلاردا ھۇزۇر سۈرگەندە، باغچىلاردا سەيلە-ساياھەت قىلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا يازىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھازىر بىزدە ھەر كۈنى ئالدىراشلىقتا ئۆتىدىغان، ئەمما نېمىگە ئالدىراۋاتقانلىقى نا ئېنىق «ۋاقىت مەستانىلىرى» جىق.
ئادەم ھەرقانچە دانا بولسىمۇ، تۇغۇلۇپلا بىلىملىك بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «كىشى ئانىسىدىن بىلىملىك بولۇپ تۇغۇلامدۇ ياكى ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئۆگىنەمدۇ؟
(ئەلۋەتتە) ئۇ، بىلىلىك بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، كىشى ئۆگىنىش بىلەن ئالىم بولىدۇ، بىلىم بىلسە ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىدۇ» دېگەن. ئىنسان بالىسى ئالغا باسىمەن، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالمايمەن دېسە، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشى، بارلىق يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن «كۆيۈپ قېلىش» يۈزىتىيىسىنى تۇتۇشى، باشقىلار تەرىپىدىن «يېڭىلىق» دەپ قارالغان نەرسىلەرنى ئۆزىدىمۇ بارلاشتۇرۇشى، ئۆزىدە يوق ئىلغار بىلىم، تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭكىگە ئايلاندۇرۇشى لازىم. بولمىسا «قويچى كېچىك ئىزدىگۈچە تۆگىچى سۇدىن ئۆتۈپ بولىدۇ».
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىشى، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ بىلىم ئىگىلىتىش، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ توختالغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922 — 1945) «ياشلىق، ئۆگەن» دېگەن شېئىرىدا: «ئىلىم - مۆجىزىلەرنىڭ سىرىنى ئاچقۇچى، بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئون يىل ئوقۇ»، «ئىلىم-ھارماس، مەرد ئادەمنى ياقلايدۇ، ناداننىڭ كۆزىدىن ھەر قاچان غايىب بولۇپ تۇرىدۇ»، «دەۋرگە يېڭىنىڭ يېڭىسى ئامراق بولىدۇ» شۇڭا «ئوبدان ئويلان، ئوبدان پىكىر قىل»، «ئەگەر ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا يۈگەن سالمىساڭ، بىر كۈنى قاراڭغۇ دىل چۆلىگە چۆكۈپ كېتىسەن» دېگەن. ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901 — 1933) ئۆز زامانىسىدىكى ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن كېلىۋاتقان نادانلىق، ئەخمەقلىق ۋە بالايىئاپەتلەر ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىپ ھەسرەتلەنگەن. ئۇ: «ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈل قويمىدۇق. ئوقۇساقمۇ، ئوقۇتساقمۇ بەربىر سېغىز چايناشتىن قۇتۇلالمىدۇق»، «ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغانلار
كۆكتە ئۈچۈپ، سۇدا ئۈزۈۋاتىدۇ، بىز بولساق مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالدۇق»، «ئاپتوموبىل گۈركىرەپ كەلسە، ئەقىلنى ئىشلەتمەي ۋاي خۇدايىم نېمە بۇ دەپ ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالدۇق»، شۇڭا «كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق، ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان» دېگەن. ئېلىمىزنىڭ يالقۇنلۇق مۇتەپەككۇرى لۇشۇن 1919-يىلى يازغان «بىز ھازىر قانداق ئاتا بولۇۋاتىمىز» دېگەن ماقالىسىدە: «ئەقلى-ھوشى جايىدا بولغانلىكى كىشىنىڭ ھەرقاندىقى ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۆزىدىنمۇ قاۋۇل، ساغلام، ئەقىللىك، ئېسىل-بەختىيار بولۇشىنى يەنى ئۆزىدىن، ئۆتمۈشتىكىلەردىن ئۆتۈپ كېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتمەك لازىم. دېمەك، ئەۋلادلار ئەجدادلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. (ئاتىسىنىڭ تەلىمىنى ئۈچ يىلغىچە ئۆزگەرتمىگەنلەر ۋاپادار ھېسابلىنىدۇ) دېگەن سۆز ناتوغرا، ئەلۋەتتە، بۇچېكىنىش كېسىلىنىڭ يىلتىزى. مۇبادا قەدىمكى بىر كېلتكىلىق ھايۋانلار مۇشۇ پەند-نەسىھەتكە ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، ھەرگىز تۈرلىنىپ كۆپىيەلمىگەن بولاتتى، ئۇ ھالدا دۇنيادا ئىنسانلارمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى» (34) دېگەنىدى. «ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتمەك لازىم». ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىلىم كېرەك. بىلىم ئۈچۈن ئۇنى ئۆگىنىدىغان ۋاقىت بولۇش كېرەك. خۇدانىڭ ئادەم بالىسىغا بەرگەن ۋاقتى بىر سوتكا، مۇشۇ ۋاقىتنى قانداق تەقسىملەپ ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىمدۇر، لۇشۇن ۋاقىتنى تېجەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ: «ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىش ئۆزىنى ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشتۇر. باشقىلارنىڭ ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىش بىراۋنىڭ مال-دۇنياسىنى دەپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر.» دېگەنىدى. بۈگۈنكى
كۈندىكى ياشلار ئىچىدە بولۇپمۇ، شەھەرلەشكەن ۋە يېرىم شەھەرلەشكەن ياشلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەبىئىي قىممەت ئۆلچىمىنى يوقىتىپ، يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىپ دورامچىلىق بىلەن ئاستا خاراكتېرلىك كېتىۋاتقان ئارزۇغا قانماسلىق ۋەسىۋەسىسى ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.
- ئۆزىگە قاتتىق تەلەپچان بولۇش. ئىنسان ئۆزىگە بالا چاغلىرىدا قويغان تەلەپلىرىنى چوڭ بولغان چاغدىمۇ داۋاملىق قويۇپ تۇرۇش لازىم. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى ئوبدان چۈشىنىشى. ئۆزىنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى بىلىشى. ئىشنى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يەتكەن يەردىن باشلىشى كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ تونۇش مەسىلىسىدىكى يەرقلەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزىتەلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنى تونۇيالىشىدىكى سىرنىڭ نەدىلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن سېزەلەيدۇ.
«لاۋزى» نىڭ 33-بابىدا: «ئۆزگىنى بىلگەنلەر ئەقىللىكلەردۇر، ئۆزىنى بىلگەنلەر دانىشمەنلەردۇر، ئۆزگىنى يەڭگەنلەر كۈچتۈنگۈرلەردۇر، ئۆزىنىڭ نۇقسان، ئەيىبلىرىنى يەڭگەنلەر قۇدرەتلىكلەردۇر» دېيىلگەن(35). بۇنىڭدا ئۆزگىنىمۇ بىلىش، ئۆزىنىمۇ بىلىش مەسىلىسى سۆزلەنگەن، ھەممىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ نۇقسان-ئەيىبلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۇنى تۈگىتىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ قۇدرەتلىك بولۇشنىڭ يولى ھەم مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن. قەدىمكى يۇناندا بىر چېركاۋنىڭ ئالدىغا: «ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوبدان تونۇۋېلىڭ» دېگەن سۆز يېزىپ قويۇلغان بولۇپ، پەيلاسوپ سوقرات باشقىلارنى داۋاملىق مۇشۇ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق تەربىيىلىگەنىكەن. ھازىر بۇ ھېكمەتنى ھەربىر
كىشى بوينىغا تۇمار قىلىپ ئېسۋېلىش لازىم بولۇپ قالدى. ھازىرقى دۇنيا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئوبدان تونۇۋالىدىغان دۇنياسى. ئۆزىنى تونۇش — ئۆزىنى توغرا، ئەينەن كۆرۈش، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىماسلىق ئەھۋالىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئۆزى نومۇر قويۇش دېمەكلىكتۇر. سېلىشتۇرۇش — ئۆزىنى تونۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئۆزى بىلەن شەيئىلەر تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدا سېزىلىۋاتقان پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەتراپىدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئۆزىگە قانداق تەلەپ قويۇش كېرەك؟ مۇشۇلارنى مۇھاكىمە قىلىش لازىم. ئىنساننىڭ يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ: نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دېگەن سوئالنى قويۇشنى بىلەلىگەن چېغى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. قەدىمكى زاماندا باۋدىڭ ئاتلىق بىر ئاشپەز بولۇپ، ئۇ، مەخسۇس پادىشاھ لياڭخۇينىڭ ئاش-تامىقىنى ئېتىدىكەن. ئۇ، دەسلىپىدە كالا سويۇشنى بىلمەيدىكەن. كېيىن كالا سويۇشقا شۇنداق ئۇستا بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇنىڭ كالىنى شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن سويۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ھالدا: «سىز بۇ ھۈنەرنى قانداقچىسىغا ئىگىلىۋالدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «مېنىڭ قىزىققىنىم كالا سويۇشنىڭ قانۇنىيىتى. دەسلەپتە كالا سويغان ۋاقتىمدا كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى يوغان بىر پۈتۈن كالا بولۇپ، قەيپرىگە پىچاق سۈرۈشنى بىلمەيتتىم. ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى پۈتۈن بىر كالا ئەمەس، پارچىلانغان گۆش بولدى. ھازىر ەن كالىنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئەمەس ئەقلىم بىلەن بايقاپ سويىدىغان بولدۇم. بەش ئەزايىمنىڭ رولى قالماي روھىي ھالىتىم ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتتى. ھازىر كالا سويۇش ماڭا يادا
بوپكەتتى، مەن كالا بەدىننىڭ تەبىئىي قۇرۇلمىلىرى بويىچە مۇسكۇللار ئارىسىدىكى چاكلارنى، ئۆگىلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقلارنى تېپىپ پىچاق سالىمەن، ھەممە ھەرىكىتىم كالىنىڭ ئەسلىدىكى بەدەن قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيەتلىرى بويىچە بولىدۇ» دەپتۇ (36).
جۇاڭزىنىڭ «باۋدىڭنىڭ كالا سويۇشى» دېگەن بۇ ھېكايىسى بىزگە بىرەر ئىشنى ئۆگەنمەكچى بولسا ئۇنى بىلمەسلىكتىن بىلىشكە بولىدىغانلىقى، بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش كېرەكلىكى، ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزاققىچە جاپالىق ئۆگىنىش، ئويلاش، كاللا ئىشلىتىش ۋە مەشق قىلىش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ سېھىيىمىزدە بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقماقچى بولغان ئەمما ئىرادىسىزلىك قىلغانلىقىدىن ئىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيۋاتقان بۇرادەرلىرىمىزگە ئامېرىكىنىڭ پسخولوگىيە پەنلىرى پروفېسورى داننىس ۋېتلاسنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز سۆزىنى ئىنئام قىلىمىز. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «كۈچلۈك ئارزۇ ئادەمنى بەلكىم شۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناپ بېقىشقا ئالدىرىتىپ كۆرەڭلىتىپ قويۇشى ھەتتا ئايغا چىقىش ئارزۇسى ئۇنى ئارزۇلىرى ئىشقا ئېشىپ ئاي شارىغا چىقىۋاتقاندەك مەنزىرە ئىچىگە ئەكىرىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن سىز ئەۋرىشىمگە ئوخشاش سوزۇلۇچان مەشقنى داۋاملاشتۇرمايدىكەنسىز، ئۇ ھالدا ئاي شارىغا چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاي شارى ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىش سۇپىسىغىمۇ چىقالماسلىقىڭىز مۇمكىن» (37).
ئىنسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشى كېرەك. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۆت ئېغىز سۆزى ئىچىدە ئۈچ ئېغىزى راستچىل بولۇشنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ مېغىزى «ئادەم ئۈچۈن ئۆزىگە ئۆزىدىن ئارتۇق
كۆيۈنىدىغان كىشى يوق» دېگەندە. شۇڭلاشقا ئىنسان راستچىللىقتىن چەتنەپ ئۆزىنى گوللايدىغان ساختا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. راستچىل ئادەمنىڭ كۆزى مەسىلىلەرنى ئۆز ئەينى بويىچە توغرا كۆرىدۇ، شەيئىلەرنى توغرا كۆزىتىدۇ، مۇبالىغە قىلمايدۇ. يىللار داۋامىدا ئېڭىمىزغا سىڭىپ كېتىپ ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان نۇرغۇن ساختا نەرسىلەر بار. بىر مەزگىل راست گەپ قىلىشقا بولىغاچقا، كىشىلەر كۆڭلىدە قىلماقچى بولغان گەپلىرىنى قىلالمىغانلىقتىن، گەپمۇ سۈپەت ئۆزگىرىشىدىن سان ئۆزگىرىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەگىتمە گەپ، ياسالما گەپ، چىرايلىق گەپ، ساختا گەپلەر پەيدا بولۇپ، يالغان گەپ قىلىدىغانلار ۋە يالغاننى راست دەيدىغانلار ئاۋۇپ كەتتى. مەلۇم دائىرىدىن ئېيتقاندا، ھازىرقى بەزى گەپلەرنىڭ كۆپلۈكى، تېتىقسىزلىقى، مەزمۇنسىزلىقى، چىنسىزلىقى ئادەمنى تولسۇ بىزار قىلىدۇ. بۇ گەپلەرنىڭ سۆڭىكى بىلەن گۆشى ئاللىقاچان بىر - بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن، ئازراقمۇ يېيىشقاقلىقى يوق. ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىن ئېيتقاندا، چىنلىق كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ، ساختىلىق بەزدۈرىدۇ. ئەل رايى ساختىلىقنى ساۋايدۇ، چىنلىقنى خالايدۇ. شۇڭا خاتا ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەسىرىدە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن بۇ ھەقىقەتنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساختىلىققا تەۋە نەرسىلەرنى ئۆز ئەينى بويىچە رەھىم قىلماي ئېچىۋېتىش كېرەك.
جاھاندىكى بارلىق غالىبلارنىڭ ھەممىسى ئىشنى ئالداش ۋە ئالدىنىشنى پەرق ئېتىشتىن، ئاندىن كېيىن رېئاللىقنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرىلىتىپ بېرىشتىن باشلىغان. ئىنسان ئۆزىنىڭ راستچىللىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزىنى ئۆزى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشى كېرەك. پاكىتنى
بۇرمىلاشتىن ياكى ئۆزىنى ئالداشتىن قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەت ئاتالمىش يالغان مۇۋەپپەقىيەتتۇر. ئۇ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا تاسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۆمرى قىسقا، ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يولى راستچىللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەپەككۇرىچە، دۆلەت راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە تۈزلۈك بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ؛ يالغانچىلىق، ساختىلىق، ئەگرىلىك بىلەن قىڭغىيدۇ. بارلىق غالىبلار مانا مۇشۇ ئالدىنقى ئۈچ شەرتنى، بارلىق مەغلۇبىيەتچەلەر كېيىنكى ئۈچ شەرتنى ئادا قىلغان. راستچىللىق بىلەن ساختىلىقنى پەرق ئېتىشكە قادىر كىشىلەر ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىلا چۈشىنىپ قالماي باشقىلارنىمۇ چۈشىنىدۇ، ئىنسان ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشتا ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئەينەك قىلىش كېرەك.
مۇزى: «ئالىجانابلار سۇنى ئەينەك قىلمايدۇ، ئادەمنى ئەينەك قىلىدۇ. سۇنى ئەينەك قىلغاندا ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئادەمنى ئەينەك قىلغاندا ئۆزىنىڭ خەيرلىك ياكى شۇم پېشانە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ» دېگەن. تاڭ تەيزۇڭ ۋېي جىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىدا ئۆزىنى توختىتىۋالالماي يىغلاپ تۇرۇپ: «ئادەم مىسنى ئەينەك قىلسا ئۈستېيشىنى تۈزەشتۈرەلەيدۇ، تارىخنى ئەينەك قىلسا گۈللىنىش بىلەن مۇنقەرز بولۇشنى كۆرەلەيدۇ، ئادەمنى ئەينەك قىلسا پايدا بىلەن زىياننى بىلەلەيدۇ. ۋېي جىڭ ئۆلۈپ كېتىپ مەن بىر ئەينەكشى ئايرىلدىم» دېگەن(38) قەدىمكىلەرنىڭ بۇ ئىبرەتلىك ھەم چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى بۈگۈنكى ئادەملەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىكتۇر.
- يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇش. ئۇيغۇرلاردا «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ
توختايدۇ »، «سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۇتىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. ئادەم بارلىقىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىشغا تەقدىم قىلىپ بىرەر مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋەرسە ئۇنىڭدىن چوقۇم نەتىجە ھاسىل قىلماي قالمايدۇ. دىئالىكىتكىنىڭ قارىشىچە، رىقابەتلەشكۈچىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ، ئاجىزلىقىمۇ بولىدۇ. ئارتۇقچىلىق ۋە ئاجىزلىقلار مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىش ياسايدۇ ھەمدە ئاجىزلىقلىرى بارلار ئارتۇقچىلىقى بارلارغا، ئارتۇقچىلىقى بارلار ئاجىزلىقى بارلارغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پىكرىچە «ئۆزلىگەن چۈشەر، چۈشكەنلەر چىقار» دېگەنلىك. قۇش ئېكىز ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ، بېلىقلار كەڭ بىپايان دېڭىزدا ئۈزۈپ ئوينايدۇ. جاغاننىڭ ئېتىكى كەڭرى، ئىقتىدارلىق بولۇشنىڭ يولى كۆپ. ئەگەر رىقابەتلىشۇۋاتقان بىر تەرەپ قايناق بازارنىڭ چوڭ رەستىسىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن ئەتەي قېيىشىپ بازار تالاشماي قايناق بولسىغان، كىچىكرەك بولغان كوچىلاردا سودا قىلسا، كېيىنچە سەل-پەل ھاللىنىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن چوڭ رەستىگە ئۆتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن گەرچە يالغۇز سودىغا قارىتىپ ئېيتىلغاندەك تۇرسىنمۇ، ئىقتىدارلىق بولۇشنىڭ باشقا يوللىرىغىمۇ باب كېلىدۇ، بۇ «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن» غانلىق دېيىلىدۇ. بۇنى بەزىلەر «تار يەردە ئاش يېگەن» لىك دەپ مەسخىرە قىلىپ «كەڭ يەردە مۇشت يېيىش» گە ئالدىرار. تارىختا مۇشۇنداق يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇپ، تار يەردە ئاش يەپ يۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنماي، كەڭ يەردە مۇشت يېيىشكە ئالدىراپ، تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلار ئاز ئەمەس. بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن چىقىرىلغان يەكۈن، ئۇنى ئەينەك قىلماي بولمايدۇ. ئىشىنىش كېرەككى، يوتقان ئۇزۇن
بولسا پۇتنى ئۇزۇن سۇنۇش، قىسقا بولسا قىسقا سۇنۇش، كالتە يوتقانغا ئۇزۇن پۇت سۇنۇپ پۇتنى توڭدۇرۇپ قويماسلىق، ئۆكۈز بىلەن تەڭ ئەمەس تۇرۇپ بوي تالاشقان پاقىغا ئوخشاش يېرىلىپ كەتمەسلىك كېرەك.
- ھەسەتخورلۇق بىلەن ئېلىشىش. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەسەتخورلۇقنى «تەپزىلك» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ، ھەسەتخورلۇق ئىللىتىنىڭ ساقايماس، داۋاسى يوق بىر كېسەل ئىكەنلىكىنى، ھەسەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى يەپ سىزىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەسەتخورلارنىڭ خانلارنىڭ دەرگاھىدا كۆپرەك بولىدىغانلىقىنى، ھەسەت قەيەردە بولسا ئۇرۇش قوزغىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىنسان ھەسەتتىن خالىي ياشاش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەسەتخورلۇق پەزىلەت بىلەن ھىدايەتنىڭ دۈشمىنى، ناۋادا دىيانەت ئۆرلەيدىكەن، ئۇ كۆڭۈلنى يېغىر قىلىپ شۇملۇق قىلىدۇ. ئۇ — ھىدايەتكە تۇزاق، كىمدە ھەسەت بولىدىكەن، ئۇ ئالىم بولسىمۇ پەزىلەت ۋە خىلەت ئۇنىڭدا ئۇزۇن تۇرمايدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ ئىچى تار بولسا ئۆزىدىن ئەقىللىك، قابىلىيەتلىكلەرنى پاتقۇزماس بولىدۇ، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئالىي دورىمۇ، مۇرەسسەمۇ كار قىلمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى ھەسەتخورلۇقنى ئالدى بىلەن ئەمەلدارلار جامائىتىنىڭ پائالىيەت سورۇنىدىن، ئالىم، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن، سودىگەر تىجارەتچى، كەسپىي ئائىلىلەرنىڭ سودا بازارلىرىدىن، مەدەنىي مەشغۇلات، تەنتەربىيە مەيدانلىرىدىن، دىن ئەھلىنىڭ مەسچىت، خانىقا، مېھرابلىرىدىن، ئاۋامنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ پائالىيەت سورۇنلىرىدىن ئۇچرىتىش مۇمكىن.
قىسقىسى، ھەسەتخورلۇق جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ۋابا كېسىلىدەك تارقالغان. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى
ھەسەت بىلەن ھەسەتكە قارشى نۇروشنىڭ ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىدۇ. ھەسەتتىن خالىي جاي، ھەسەتتىن خالىي ئىنسان بولمايدۇ ۋە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەزىلەت ئىگىسىدە ۋىجدان بولسا ھەسەتخوردا شەيتان بولىدۇ. ھەسەتخورنىڭ شەيتانلىرىنى پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ۋىجدانلىرى بىلەن يوق قىلغاندا ساختىلىقنىڭ پەردىلىرى كۆتۈرۈلۈپ ئادالەت يورۇيدۇ. ئادەم ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئەل نەپسىنى كۆزلىگەندە ھەققەتكە يېقىنلىشىدۇ ھەم دىلى نۇرلىنىپ ھەسەتسىز بولىدۇ؛ ئۆز نەپسىگە بېرىلىپ ئەل نەپسىنى ئۈنتۈغاندا ھەققەتتىن يىراقلىشىدۇ ھەم دىلى قارىداپ ھەسەتخور بولىدۇ. بۇ سەھىپىمىزدە ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغىنى شۇكى، ھەربىر ئاق كۆڭۈل كىشى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « ئۆز نەپسىنى دېگەنلەر كۆيۈمچان ئەر ئەمەس، ئەل نەپسىنى دېگەنلەر كۆيۈمچان ۋە چىن كىشىدۇر» دېگەن ھېكمىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ شەخسىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش، شەخسىيەتچىلىكنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەن «ھەسەت» دېگەن راكنى يوقىتىپ، ئومۇمىيەتچىلىكنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەن پەزىلەتنى تۇغ قىلىپ تىكلەش كېرەك. بىلىش كېرەككى، ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆزى ھەسەتخور بولماسلىق، ھەسەتخورنى ئۆزىگە يېقىن تۇتماسلىق، ئۇنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر-ئۇر قىلغاندەك قىلىۋېتىش، لىن چۇڭ مەشقاۋۇلنىڭ تاغتۇرا سەركەردىسى ئاق يەكتەكلىك ۋاڭ لۇنېنى جازالىغىنىدەك جازالاش كېرەك.
- ئۆزىگە ئۆزى ھەيكەل تىكلەش. ئادەمنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوبرازىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ، كونكرېتنى مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ باشقىلارغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن يارىتىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان باھاسىغا شۇنداقلا
ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىزنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغان « ھەيكەل تىكلەش » - قانداقتۇر ساكيامونى زامانىدىكىگە ئوخشاش ھەيكەل تىكلەپ كۈچە كۆيدۈرۈپ سەجدە قىلىش ئەمەس بەلكى ئەكسىچە، ھازىرقى زاماندا خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر ئوبرازلىرىنى ھەرقايسى ساھەلەردە تىكلەش دېگەنلىك.
دۇنيا تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۇزاق جەريانىدا، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھەرخىل ئوبيېكتىپ شارائەللارنىڭ ئوخشاماسلىقىدىن مەلۇم بىر مىللەت مەلۇم بىر تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا نىسبەتەن ئىلغار بولۇشى، باشقا مىللەتلەرگە كۆپرەك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھەتتا باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخ تەرەققىي قىلىپ بىر يېڭى باسقۇچقا بارغاندا، قالاق دەپ قارىلىۋاتقان مىللەت ئىلغار دەپ قارىلىۋاتقان مىللەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى، ئىلغار بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ جەرياندا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭسىزلىق بارلىققا كېلىدۇ.
ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىياتى بىر خىل تەبىئەت تارىخىي جەريانى بولۇپ، ھەرقانداق بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش جەريانى بولىدۇ. ئۇ، تېخىمۇ ئىلغار بولغان مەدەنىيەت تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ. بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. بۇنى ھەرقانداق بىر ئىزادىمۇ ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. ئۇ بىرەر مەدەنىيەت، نەزەرىيە، تەلىمات ياكى شەخىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇزالمايدۇ. ئۇ خۇددى بىر ئورگانىڭ جىسمنىڭ مەلۇم يېرىدە كېسەل پەيدا بولۇشى ياكى بىرەر
تاشقى كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ يوقىلىنىنىڭ تېزلەشكەنلىكىگىلا ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ تاسادىيى سەۋەب بولۇپ، بىردىنبىر سەۋەب يەنىلا شۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مېخانىزملارنىڭ كاردىن چىقىپ كونىراپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كېسەل بولۇپ قالمىسۇ، تاشقى كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىمىسۇ ئوخشاشلا يوقىلىپ كېتىۋېرىدۇ. بەزى مەدەنىيەت يەر شارىدىن مەڭگۈ يوقىلىپ كېتىدۇ. بەزىلىرى گەرچە يوقالمىسۇ، ياشىنىپ قالغان ئادەمنىڭ ھالسىزلانغىنى، بېلىقنىڭ دورا يەۋالغىنى ۋە بۈك ماشىنىسىنىڭ داۋازغا ئېسىلىپ قالغىنىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، بەزى مەدەنىيەت بىر زېمىندا پەيدا بولسۇ، باشقا بىر زېمىندا بېيجەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باشقا بىر يېڭى مەدەنىيەت بارلىققا كېلىدۇ.
بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى باشلامچىلىق رولى دېگەندە، جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ئاھالىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكىلى بەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ جەمئىيىتىنىڭ بەۋجۇت-مەۋجۇت ئەمەسلىكى قاتارلىق بىرقانچە ئاساسلىق شەرتلەرنى ئادا قىلغان بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇڭلاشقا بىر مىللەت، بىر خەلق ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا ئوينىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ رولىنى ھەققىي تونۇپ يېتىش ئاساسىدا زامانىۋى مىللەت ۋە خەلق بولۇپ يېتىلىش تۇيغۇسىنىڭ روياپقا چىقىشى — خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ھەيكەل تىكلىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.
ئەينى زامانلاردا ئۇيغۇرلار ئالەمگە مەشھۇر «يىپەك يولى» نىڭ مۇھىم تۈگۈنىدە تۇرۇپ، چىن كارۋانلىرىغا يول باشلىغۇچى بوپتىكەن. كېيىنكى ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى كىشلەر ياساپ چىقتى. شئەن شەھىرىدە بىر
ئۇيغۇر تۆگىچى بوۋاينىڭ كارۋانلارغا يول باشلاپ كېتىۋاتقان چوڭ بىر ھەيكىلى بار. ئۇنى خەنزۇ ھەيكەلتىراشلىرى تۇرغۇزۇپ چىققان. شىئەنگە بارغان جۇڭگولۇقلاردىن تارتىپ چەت ئەللىكلەرگىچە ئۇنىڭغا قاراپ ئۆتمەيدىغانلىرى يوق، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنىڭ قانداق بولۇشى كەلگۈسىدىكى ھەيكەلتىراشلار ئۈچۈن قىممەتلىك دىتال بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ھەيكەل تۇرغۇزۇشمۇ، ھەيكەلتىراشلار ئۈچۈن سىما بولۇپ بېرىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. بىر ئوبدان ھەيكەل ياخشى بىر گىگانت سىما بولغاندا پۈتۈپ چىقىدۇ ھەم كىشىلەر تەرىپىدىن مەڭگۈ ئۆلۈغلىنىدۇ. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى - ئۆتمۈشنىڭ ھەيكىلىدىن كۆرە، بۈگۈننىڭ ھەيكىلىنى تىكلەشتە.
ئالتىنچى، ئۆتمۈش ھەققىدە گەپ قىلىش - قەدىمكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەس بەلكى ئەجدادلىردىمىزنىڭ ئېسىل مىللىي ئەنئەنىلىرىگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بۈگۈنكى رېئاللىققا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر.
كىتابسىزنىڭ 2- ۋە 6-بابلىرىدا ئۇيغۇرلاردا «قانۇن» نىڭ پەيدا بولۇشى، «قانۇن» دېگەن ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقان مەنبە شۇنداقلا، ئۇيغۇرلاردا قانۇننىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىگىچە يازمىسىز ئادەت شەكلىدە بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن قەلەمگە ئېلىنغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق. ئادەت قانۇنى - ئۇ قەلەمگە ئېلىنمىغان قانۇننىڭ بىر خىلى بولۇپ، دۆلەت رۇخسەت قىلغان ھەمدە قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغان ئادەتلەرگە ئېيتىلىدۇ. ئادەت - يېزىق بىلەن
مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، قەلەمگە ئېلىنغان يازما ئادەت ۋە يېزىق بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلماي قەلەمگە ئېلىنمىغان يازمىسىز ئادەت دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئادەت قانۇنى — قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەت قانۇنچىلىقىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، ئۇ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا شەكىللەنگەن. بىلىمىزكى، يېزىق تېخى بارلىققا كەلمىگەن ئىپتىدائىي جەمئىيەت ئادەت قانۇنى تۈزۈمى ئاستىدا ياشىغان بولىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئادەت قانۇنىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، خىللىرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. لېكىن ئۇلاردا بىر ئورتاقلىق بولىدۇ. بۇ ئورتاقلىق تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچىدىن، قانۇن بىلەن دىننى ئايرىۋېلىش ناھايىتى تەس بولۇپ، ئادەت قانۇنىدا تەسەۋۋۇپنىڭ پۇراقلىرى تەبىئىي ھالدا قويۇق بولىدۇ. ھەز خىل پەرھىز قىلىنغان ئىشلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازالارمۇ دىنىي خاراكتېرنى ئالغان بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇنداق ئادەت قانۇنلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن قەيسەر، ئۆزگىرىشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ھايات-ماماتلىق، ئېكولوگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرى ئىنسانلار مۇناسىۋىتىدىكى ھەرقانداق تېز سۈرئەتتە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقاتتى. توپ-توپ بولۇپ ياشايدىغان ئادەملەر توپىنىڭ تەركىبى ناھايىتى چەكلىك، كۆز-قۇلاقلىرى ئېتىكلىك بولغاچقا، باشقا يەنە بىر ئادەملەر توپى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولمايتتى. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭدا قانۇن يېڭىلاشتا ئالاھىدە بىرەر رولى بولىدىغان سىرتنىڭ سىڭىپ كىرگەن ئامىللىرى بولمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، قانۇننىڭ دىنىي خاراكتېرى ئۇنىڭغا ئاخىرەت جازاسى ھەققىدىكى ۋەزىپىلەرنى يۈكلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن كونا قائىدىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولغان ياكى ساقلاپ قالالايدىغان بىر شارائىت يېتىلىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىپتىدائىي كىشىلەرنىڭ ئادەت قانۇنلىرى ناھايىتى مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ، ھەتتا ناھايىتى ئۇزاق دەۋرلەرگىچە يەنى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز پېتىچە ياكى ئۆزگەرگەن باشقا شەكىللىرى بىلەن يېتىپ كېلىدۇ. تۆتىنچىدىن، تارىخىي شارائىتلار بىزگە مۇشۇ ئادەت قانۇنى تۈزۈمى ۋە شۇ قانۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزىدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان قانۇن-تۈزۈملەر بىلەن ئۇچراشقان چېغىدا مەيدانسا كېلىدىغان ۋە كەلگەن ئاقىۋەتنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈشمىزگە ئىسكانىيەت بېرىدۇ. قەدىمكى زاماننىڭ ئادەت قانۇنلىرىدا تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسۇمۇ شۇ قانۇنلارنىڭ ھازىرغا قەدەر تىرىك ياشاۋاتقان كىشىلەر تەرىپىدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەتبىقلىنىپ تەبىئىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىدا، بىز ئۇنى ھەرقانچە توسۇپ چەكلىسەكمۇ، بەربىر ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ھەرىكەت قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنى ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىش لازىم.
ئەجدادلارنىڭ ئېسىل مىللىي ئەنئەنىلىرىگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بۈگۈنكى رېئاللىققا خىزمەت قىلدۇرۇش — ھەم نەزەرىيە مەسىلىسى، ھەم ئەمەلىيەت مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمكىگە ئەھمىيەت بېرىپ ھازىرقىغا سەل قاراشقىمۇ، ھازىرقىغا ئەھمىيەت بېرىپ قەدىمكىگە سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، قانۇن سىنىپىيلىققا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە ۋارىسلىققىمۇ ئىگە. قانۇننىڭ سىنىپىيلىققا ئىگىلىكى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ بولغان مەسىلە، قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگىلىكى بولسا، ھەل قىلىنىۋاتقان مەسىلە، شۇڭا بۇ يەردە نۇقتىلىق ھالدا قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگىلىكى
مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگىلىكى ئاتاقتىكىلا ئىش بولۇپ، ئۇ، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ئائىت قانۇنلاردا قوللىنىلغان «مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىپ، مىراسخورنىڭ ئۆلگۈچى ھاياتلىقىدا ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدىغانغا ئوخشاش ئۇ خىلدىكى قانۇن مۇناسىۋىتىدىكى ۋارىسلىق قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. يەنى بۇ، مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ سۈببىكىتى ھەرقانچە ئۆزگەرسىمۇ، مال-مۈلۈكنىڭ سانى، تەۋەلىكى ۋە ئالاھىدىلىكى قانارلىقلار تەۋرىمەيدۇ، دېگەنلىك. بىزنىڭ «ۋارىسلىق قىلىش» دېگەن ئاتالغۇنى بۇ يەردە ئىشلىتىشىمىز پەقەت ئىلگىرى-كېيىنلىك ۋاقىت مۇناسىۋىتىگە ئىگە يېڭى قانۇنلارنىڭ كونا قانۇنلارنى ئىنكار قىلىشنىڭ دىئالېكتىكىلىق ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى، قانۇنلار تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىققا ئىگىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشنىلا مەقسەت قىلىدۇ.
دىئالېكتىكىلىق ئىنكار قىلىش — يېڭى شەيئىلەرنىڭ كونا شەيئىلەرگە قوللانغان «مېغىزىنى ئېلىۋېلىپ شاكىلىنى تاشلاش» سىياسىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەم خاتىمە بېرىش، ھەم قوبۇل قىلىش مەۋجۇت. يېڭى شەيئىلەر كونا شەيئىلەرگە خاتىمە بەرگەندە، كونا شەيئىلەرنىڭ كونىلىق خاراكتېرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ، بۇ يېڭى شەيئىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ھالقا. يېڭى شەيئىلەر كونا شەيئىلەرنى تۈپتىن ئىنكار قىلىش شەرتى ئاستىدا ھامان كونا شەيئىلەردىكى يېڭى شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رولى بولىدىغان ئامىللارنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. بۇ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىشىنى تولۇقلاپ بارىدۇ. بۇ تەبىئىي ئىزچىللىقتۇر. جاھاندىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات
ئۆزگىرىشى مانا مۇشۇ تەبىئىي ئىزچىللىق بىلەن غەيرىي ئىزچىللىقنىڭ دىئالېكتىك بىرلىكىدىن ئىبارەت. ئۇ ھەم كونا شەيئىلەرنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۆزگىرىش ھالقىسى، ھەم يېڭى-كونا شەيئىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت قىلىشىنىڭ تۈگۈنى. ئۇ بارلىق شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزگىرىش بولغانغا ئوخشاش، كەينى-كەينىدىن ئۆزگىرىش قىلىۋاتقان قانۇننىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ئوخشاشلا شۇ غەيرىي ئىزچىللىق بىلەن تەبىئىي ئىزچىللىقنىڭ دىئالېكتىك بىرلىكىدىن ئىبارەت بولىدۇ. يېڭى قانۇننىڭ كونا قانۇننى ئىنكار قىلىشىمۇ تەبىئىي ھالدا ھەم خاتىمە بېرىش، ھەم قوبۇل قىلىش ئاساسىدىكى دىئالېكتىكىلىق ئىنكار قىلىشتۇر. ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكىلىق ئىنكارنىڭ ئەكسىچە بولغان مېتافىزىكىنىڭ قارىشىچە، ئىنكار قىلىش — ئومۇميۈزلۈك تاشلىۋېتىشتۇر، يىراقلا كېرەك قىلماسلىق، ھېچقانداق ئېپقالماسلىق ۋە ئازراقمۇ ۋارىسلىق قىلماسلىقتۇر. ئېنگېلس فېيبېرباخنىڭ گېگىل پەلسەپىسىگە تۇتقان مېتافىزىكىچە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ: «فېيبېرباخ گېگىل سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى ھەمدە ئۇنى چورتلا تاشلىۋەتتى. لېكىن ئۇنىڭ بىرلا خىل پەلسەپىنى جاكارلىشى خاتا بولدى. چۈنكى، ئۇ بۇ خىل پەلسەپىنى بويسۇندۇرالمىدى. مىللەتنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن گېگىلنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى قىلچە پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ بىراقلا بىكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى جەھەتتىن (ساقلاپ قېلىش ياكى تاشلىۋېتىش) كېرەك. بۇ ئۇنىڭ شەكلىنى تەنقىدىي ھالدا يوقىتىش، لېكىن مۇشۇ شەكىل ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يېڭى مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك دېگەنلىكتۇر» دېگەنىدى(39). ئېكسپىلاتاتۇر سىنىپلارنىڭ قانۇنلىرىغا قارىتامۇ
خۇددى يۇقىرىقىدەك «قىلچە پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيدە تۈرۈپ بىراقلا بىكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ»، پەقەت دىئالېكتىكىلىق قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغان ھالدا، تەنقىدىي ئۈسۈلنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇۋاپىق بولغان ئامىللارنى قوبۇل قىلغاندا، ئاندىن ئۇنىڭغا بولغان «ۋارىسلىق قىلىش ياكى تاشلىۋېتىش» تىن گەپ ئاچقىلى بولىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگە ئىكەنلىكى كەينى-كەينىدىن ئۆزگىرىش ياساپ تولۇقلىنىۋاتقان قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىدۇر، يەنى بۇ — يېڭى قانۇنلارنىڭ كونا قانۇننىڭ سىنىپىي ماھىيىتىنى ئىنكار قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، كونا قانۇنلاردىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئىلمىي، ئاكتىپ بولغان ئامىللارنى تاللىۋېلىش، تەنقىدىي قوبۇل قىلىپ ھەم ئۇنى يېڭى قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئورگانىك بىر تەركىبىي قىسمى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە بولغان بۇ چۈشەنچىمىزگە ئاساسلانغاندا، يېڭى قانۇن (سوتسىيالىستىك قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ كونا قانۇنغا بولغان ۋارىسلىقى مەلۇم بىر تارىخىي تىپقا ياتىدىغان كونا قانۇننىڭ سىنىپىي ماھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قويغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قانۇن ئۈنۈمىنى تىرىلدۈرگەنلىكىمىز بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگىلىكى ھەققىدىكى بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى يېڭى قانۇننىڭ پەقەت كونا قانۇنلارنىڭ بەزى ئەقىلگە مۇۋاپىق مەزمۇن ۋە شەكىللىرىنى تەنقىدىي قوبۇل قىلغانلىقىنىلا كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قوبۇل قىلىش — يېڭى قانۇننىڭ كونا قانۇننىڭ ھەممە نېمىسىنى قارا، قويۇق قوبۇل قىلغانلىقى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپىي ماھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، يېڭىچە بولغان سىنىپىي مەزمۇنلارنى ئۇنىڭغا كىرگۈزگەنلىكىدۇر.
قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگە بولىدىغانلىقى ئۇقۇم دائىرىسىدىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يالغۇز ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلمەيمۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ئۈنۈمدارلىقىنى يوقاتقان كونا قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن بەلكى يېڭى قانۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كونا قورمىغا تەئەللۇق بولغان ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، سوتسيالىستىك قانۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى بۇرۇنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن ياكى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېكسپىلاتاتۇرلارنىڭ قانۇنلىرىنى ئالايلى، ھەممىسى كونا قانۇن كاتېگورىيىسىگە ياتىدىغان مەسىلە بولۇپ، سوتسيالىستىك قانۇن تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلسا بولىدىغان دائىرە ئىچىگە كىرىدۇ.
ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگە بولىدىغانلىقى بارلىق ئىلمىي ئۇقۇملارغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ سۈببىكتىپ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان ئوبيېكتىپ ئوبيېكتنى يەنى قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر قانۇننىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت قانۇنىيەت تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت، بەلكى قانۇننىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا باشتىن-ئاياغ سىڭىلگەن بولىدۇ. قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن قانۇننىڭ سىنىپىيلىقى بىر بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ ئەمەس بەلكى دىئالېكتىكىلىق بىرلىككە ئىگە، ئەلۋەتتە.
ماۋزېدۇڭ «قەدىمكىلەرنىڭ ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ نەرسىلىرى بولسۇن، مەيلى فېئوداللار سىنىپىنىڭ ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ نەرسىلىرى بولسۇن، بىز ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىشنى ۋە ئۇلارنى ئەينەك قىلىشنى ھەرگىز رەت قىلمايمىز» دېگەنىدى (40). يولداش ماۋزېدۇڭ «ۋارىسلىق قىلىش» بىلەن
«ئەينەك قىلىش» تىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمنى ئەدەبىيات-سەنئەت مىراسلىرىغا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. بىزچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپلىق پەرق يوق ھەم بىر-بىرىنى ئىنكارمۇ قىلمايدۇ. مۇشۇ ئۇقۇم بىلەن كونا قانۇنلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىمىزنى ئىپادىلىسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ.
«ئەينەك قىلىش» دېگىنىمىز — باشقىلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ يايدا-زىيىنىغا سېلىشتۇرۇپ بېقىش دېگەنلىك. بىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن كونا قانۇنلارنى ئۆزىگە «ئەينەك قىلىش» كېرەك دېگەنلىكىمىزمۇ كونا قانۇنلار بىلەن سوتسىيالىستىك قانۇنلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇننىڭ «يايدا-زىيىنى»-نى تونۇش كېرەك دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ سېلىشتۇرما قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى بىر تېما ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بىزنىڭ كونا قانۇنلارنى ئەينەك قىلىشىمىزدىن مەقسەت: بىرىنچىدىن، سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن بارلىق كونا قانۇنلارنىڭ سىنىپىي ماھىيىتىدىكى تۈپلۈك قارىمۇ قارشىلىقىنى ئېچىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك قانۇننىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋە كونا قانۇننىڭ چىرىكلىكىنى تونۇۋېلىش بولسا، ئىككىنچىدىن، سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن كونا قانۇنلارنىڭ تارىخىي باغلىنىشلىقىنى ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
قىسقىسى، ئەينەك قىلىش بولمىسا، يېڭى-كونا قانۇنلارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىمۇ بولمايدۇ. ئەكسىچە، يېڭى قانۇننىڭ كونا قانۇنلارغا بولغان ۋارىسلىقى رەت قىلىنسا، يېڭى قانۇننىڭ كونا قانۇنلارنى ئەينەك قىلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر مەقسەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ «ئەينەك قىلىش» ۋە «ۋارىسلىق قىلىش» دېگىنىمىز بىردەكلىككە ئىگە. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق
يوق، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنى دەسسىتىشكە بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. يۇقىرىدىكى «ئەينەك قىلىش» ئۇقۇمى توغرىسىدىكى چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ كونا-يېڭى قانۇنلارنى بىر-بىرىگە ئۆزئارا سېلىشتۈرۈپ كۆرۈشىدىكى سۈببېكتىپ تىرىشچانلىقىنىلا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ھەرگىز قانۇننىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يېڭى-كونا قانۇنلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئوبيېكتىپ تارىخىي باغلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. گەرچە يېڭى قانۇنلارنىڭ كونا قانۇننىڭ بەزى مۇۋاپىق بولغان ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىشى «ئەينەك قىلىش» نىڭ مەقسىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۆزى شۇ بىر ئوبيېكتىپ جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولمايدۇ. «ۋارىسلىق قىلىش» دېگەن ئۇقۇم بولسا ئۇنداق ئەمەس. ئۇ، كەينى-كەينىدىن يەڭگۈشلىنىۋاتقان يېڭى-كونا قانۇنلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مەلۇم مۇقەررەر تارىخىي باغلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى قانۇننىڭ كونا قانۇنلارغا بولغان تەنقىد قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىنى يىغىنچاقلىغان بولىدۇ.
قىسقىسى، قانۇننىڭ ۋارىسلىققا ئىگە بولۇشى دېگىنىمىز — كەينى - كەينىدىن يەڭگۈشلىنىۋاتقان قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنى يەنى يېڭى قانۇننىڭ كونا قانۇننىڭ سىنىپىي ماھىيىتىنى ئىنكار قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان، تاللىۋالغان ۋە تەنقىد قىلغان ھالدا ئۇنىڭدىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئىلمىي، ئاكتىپ بولغان ئامىللارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېڭى قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر ئورگانىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل مىللىي قانۇن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇنداق ئىككى خىل خاھىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بىرىنچى، « ئۇيغۇر »، « ئۇيغۇر قانۇنى »، « ئىسلام دىنى »، « ئىسلام قانۇنى » دېيىلگەنلەر تىلغا ئېلىنسىلا ھەممىسىنى باشقىلارغا بېقىنىدىغان كونا فورمىغا تەئەللۇق قىلىۋېتىپ قارا - قويۇق ئىنكار قىلىش، ئۇيغۇرلاردا قاچان قانۇن بولغان، بولغاندىمۇ ئاخۇنۇمنىڭ پەتىۋاسىدىن ئىبارەتقۇ؟ ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇدەك نېمىسى بار؟ دەپ قارايدىغان خاھىش. بۇ ئۇقۇملار ھەممىسى تارىخنىڭ مەھسۇلى، تارىخ ئۇلارنى ياراتقان، ئۇلارمۇ تارىخنى ياراتقان. باشقا مىللەتلەرنىڭ قانۇنى بولغانغا ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ قانۇنى بولغان. باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان قانۇن ۋەسىقىلىرى بولغانغا ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ئېسىل قانۇن ۋەسىقىلىرى بولغان. ئەنئەنە ۋە مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىشتا جاھاندا بىر ئورتاقلىق بار. يەنى ئۇ بولسىمۇ بىرەر مىللەتنىڭ ئاۋۋال باشقىلارنىڭكىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭكىگە ۋارىسلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئوبدان چۈشىنىدىغىنى ئاۋۋال ئۆزى ئاندىن باشقىلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھامان ئۆزىنىڭ مىراسلىرىنى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرىراق ئورۇنغا قويىدۇ، ھامان ئۆزىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك مىراسلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن سانىماي تۇرالمايدۇ. مانا بۇ مىللىي غۇرۇردۇر. مىللىي غۇرۇر ھەرقانداق بىر مىللەتتە بولىدۇ. ئەگەر مىللىي غۇرۇر بولسا ئۇنى مىللەتپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر دېگىلى بولمايدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە دەپ قارالغان قانۇننىڭ پەيدا بولۇشىغا مەنبە بولغان ئۆرپ - ئادەت - ئاساسلىقى شۇ بىر مىللەتنىڭ ماددىي تۇرمۇش، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئائىلىۋى، نىكاھ قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەنئەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ - ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ
ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. ئۆرپ - ئادەت بىر مىللەتنىڭ ئورتاق پسىخىك ھېسسىياتىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ئۇ كەڭ ئاممىۋىلىققا، چوڭقۇر ئىجتىمائىيلىققا ۋە نىسبىي مۇقىملىققا ئىگە. ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ ھەم تارىخىي شارائىتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. ئۆرپ - ئادەتنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بىر مىللەت ئۆزلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھۈرمەتلەنگەن-ھۈرمەتلەنمىگەنلىكى، دەپسەندە قىلىنغان-قىلىنىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۆرپ-ئادىتى باشقىلار تەرىپىدىن ھۈرمەتلەنگەن بولسا، ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ، ھۈرمەتلەنمىگەن بولسا ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ، سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ، ھەتتا نىزا ياكى ئۇرۇش پارتلايدۇ. بۇنداق ئىناقسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى خورلانغۇچى ياكى دەپسەندە قىلنغۇچىدىن ئىزدەش ياكى ئەخىقانلىق، خورلىغۇچى ياكى دەپسەندە قىلغۇچىدىن ئىزدەش ئادىللىق ياكى دانالىق بولىدۇ. بەزىلەر بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە پەن - مەدەنىيەتتە نىسبىي ئالغا كەتكەنلەر باشقىلارنىڭ تارىخىدىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىختا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار كەشپىيات (ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا) لار بىلەن باراۋەرلىشىپ قالغۇدەك ئىدىيە ۋە مۆجىزىلەرنىڭ (قەدىمدە) بولغانلىقىنى بايقىسا، دەرھاللا ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن يامبۇمىكىن دېيىشىدۇ. ھامان ئۆزىنى ئەقىللىق سانىغاچقا ئۆزلىرى شۇنداق ئىدىيە، كەشپىيات، مۆجىزىلەرنى يارىتىۋاتقان چېغىدا باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ يېتىشىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ، مەشھۇر قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ
پروفېسورى ئەھمەد ئەمىن (1954-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ ئۆزلىرىنى غەرب «شەرقشۇناس» لىرى دەپ ئاتىشۇالغان گولدىزىخىر (Goldziher) (41) بىلەن سەندىرانا قاتارلىقلارنىڭ «ئىسلام قانۇنى رىم قانۇنىنى كۆچۈرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن» دېگەن كۆزگە ئىلماسلىق چوڭچىلىق سەپسەتسىگە قىلغان مۇئامىلىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىش، خالاس. تۈركىيە ئالىمى كاپىوغلو « (قۇتادغۇبىلىك) ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» دېگەن ئەسىرىدە ئا. بۇمباجنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە قەدىمكى يۇناننىڭ تەسىرى بار، دېگەن قاراشلىرىغا زىت ھالدا: «ئىنسانىيەت ئېڭى باشقا بىر مەملىكەتتىكى ئوخشاش تەسەۋۋۇرلارغا يېتىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر ھەر تەسەۋۋۇرنى بىرلا مەنبەگە باغلاپ قويۇش زۆرۈرىيىتىگە ئاساسلىنىدىغان بولسا يەر يۈزىدە مەسىلەن، ئوخشاش غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۈتۈن ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىشى، ئوخشاش مەقسەتتە ئىشلەنگەن نۇرغۇنلىغان قوراللارنىڭ ئوخشاش شەكىل ئېلىشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇرجىكىدە ياشاپ تۇرغان ئىلمى خادىملارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىناتتى» دەيدۇ (42). ئېلىمىزدە يېقىندا جاڭ شى، ۋۇ جۇڭمىن قاتارلىق ياش ئالىملار مەيدانغا چىقىپ، «جۇاڭزى» بىلەن ھازىرقى زامان مۇدىرنىزمنىڭ، كۇڭزى تەلىماتلىرى بىلەن كاتولىك دىنىي تەلىماتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى خىل مۇھىتتا تۈزۈۋېتىپمۇ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرىدا بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشۇالغاندەكلا بىرلىككە كېلىپ قالغانلىقلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشتى(43). ئىشىنىش كېرەككى، ئوخشىمغان تەۋەلىكتە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ دانىشمەنلىرى بىر-بىرى بىلەن تونۇشمايمۇ، بىر-بىرىگە تايانمايمۇ، بىر-بىرىدىن تەقلىد
قىلمايمۇ، بىر-بىرىدىن كەچۈرمەيمۇ، يەنە بىر-بىرگە ئوختاپ قالىدىغان قانۇن ئىدىيىسى ۋە قانۇنلارنى ئىختىرا قىلالايدۇ. فېرىدىرىخ ئېنگېلس: «دىققەت قىلىشقا ئەزىيدىغىنى شۇكى، كۆپ يىللاردىن بېرى بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمگەك سايىمىنىمىز ۋە ئۆتكۈر قورالىمىز بولۇپ قالغان ماتېرىيالىزملىق دىئالېكتىكىنى يالغۇز بىزلا كەشپ قىلمىدۇق، بەلكى گېرمانىيە ئىشچىسى يۈسىق دېستىگىن بىزگە تايانمايمۇ كەشپ قىلدى» (44) «ماركس مۇندىن 40 يىل بۇرۇن ئۇچراتقان ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىنى مورگان ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن قايتىدىن كەشپ قىلدى. ياۋايلىق دەۋرى بىلەن مەدەنىيەت دەۋرىنى سېلىشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىلارغا ماركس بىلەن ئوخشاش نەتىجىگە كەلدى» (45) دېگەنىدى. ئېنگېلسنىڭ بۇ تەلىماتلىرى بىزنىڭ مۇشۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشىمىزنىڭ پرىنسىپى. ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدا قانۇن - يوسۇنلارنى ئىختىرا قىلغان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاقانلىقى، قاراخانىلار خاندانلىقى ۋە سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق بىرقانچە خانلىقلار دەۋرىدە ئەل-يۈرت بىر مەزگىل ئادىل قانۇنلار بىلەن ئىدارە قىلىنغاچقا خەلق باياشادلانغان. ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرىمۇ ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ئۈنۈملەرنى بەرگەن. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھەم ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك، ھەم تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆدۈركى، كونا قانۇن سىتېمىسىنى بىكار قىلىش، ئاساسلىقى كونا ئەكسىيەتچى قانۇننى تۈپتىن پاچاقلاشقا، ئۇنىڭ ئېكسپىلاتاتۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قانۇن - تۈزۈملىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشقا قارىتىلغان. لېكىن بۇنىڭدىن مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئاۋۋالقى تارىخىدا بولسۇن، مەيلى كېيىنكى تارىخىدا بولسۇن، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ
بارغان قانۇن مىراسلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۇنى پۈتۈنلەي كېرەك قىلماسلىق كېرەك دېگەن مەنە كېلىپ چىقمايدۇ.
لېنىن: «ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ بىر ئىنقىلابىي پرولېتار ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتكە مۇيەسسەر بولۇشى ئۇنىڭ بۇرژۇئازىيە دەۋرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەتىجىلىرىنى تاشلىۋەتمەستىن، ئەكسىچە، 2000 يىلدىن بۇيانقى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى بارلىق قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئۆزگەرتكەنلىكىدىن بولدى» دېگەنىدى (46). ماركسىزم شۇنداق دەپ قارايدۇكى، يېڭى شەيئىلەرنىڭ كونا شەيئىلەرنى ئىنكار قىلىشى كونا شەيئىلەرنىڭ ھەممە ئامىللىرىنى پۈتۈنلەي ئىشلەتمەي تاشلىۋېتىش، يېڭى شەيئىلەر بىلەن كونا شەيئىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى شەيئىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق تەھلىل، تەتقىق قىلىش، ئۇنى تەنقىدىي ئاساستا قوبۇل قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم ئۇنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
ئىككىنچى، مىللىي قانۇن مىراسلىرىمىزدا نېمە دېيىلگەن بولسا، شۇنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ كېلىپ، زامانغا ئۆلۈك تەتبىق قىلىش خاھىشى. بۇ «زامان بىلەن ماسلىشالمايدىغان خۇسۇسىي مەنپەئەتنى دەپ، پىشىپ يېتىلگەن ئورتاق مەنپەئەتكە قارشى تۇرغانلىق» دۇر. ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان 1000 يىل مابەينىدىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقى ئۆز-ئۆزىدىن بىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغىنىغا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن
باشلاپ ھېسابلىغاندا 1000 يىل بولدى. ئۇلار بۇ جەرياندا مەيلى ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىسۇن، مەيلى بىرلىككە كەلگەن چوڭ ئائىلىدە ياشىسۇن، خەلقنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت ئەقىدىسىدە تەۋرىنىش بولمىدى. قانۇنچىلىقىدا بىرلا قانۇن سىستېمىسى يەنى ئىسلام قانۇن سىستېمىسى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇردى، بۇ ئون ئەسىرلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۇلارنىڭ قانۇنچىلىق تارىخىدا ئىسلام قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان باشقىچە بىرەر قانۇنچىلىق يولىنى ئېچىپ بېرەلمىدى. بۇنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى شۇ نەرسە ئىسپاتلايدۇكى، ھەتتا جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر 100 بەرگەن، ئۆتمۈش بىلەن ئادىل سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان XX ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا دۇنيا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە پارتلىغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە قانۇنلىرىدىمۇ ئىسلام قانۇنىنىڭ بەزى ئامىللىرى ساقلاندى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇن ئىدىيە تارىخى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، بۇ 1000 يىل داۋامىدا قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى ئادىللىق بىلەن ئادالەتسىزلىك، خەلقپەرۋەرلىك بىلەن زوراۋانلىق، چىنلىق بىلەن ساختىلىق، پەزىلەت بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش توختىماي داۋاملىشىپ تۇردى. ئاچكۆز فېئودال ئەمەلدارلار قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ ئەمگەكچى خەلقلەرنى رەھىمسىز ئەزسە، خەلق ئۈچۈن نىجاتلىق تىلەپ، قانۇن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ياك، دىيانەتلىك ئەمەلدار ۋە قازى (سوتچى) لار ئىسلام دىنىدىكى «ئادالەتسىز پادىشاھقا بىر ئېغىز ئادىل نەسىھەت قىلىش 100 يىللىق ئىبادەتنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئادالەتنى دەپ ئۆلۈمدىن قورقماي ھۆكۈمرانلار سىنىپى بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ئېلىشتى. تارىخ ئۇيغۇر خەلقىگە XX
ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاندىن ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى قانۇن ھادىسلىرىنى سىنىپلار تەۋەلىكى بويىچە تەبىرلىگەن ماركسىزمچە بولغان بىر قانۇنچىلىقنى يەنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى ئاتا قىلدى. بۇ سىنىپى خاراكتېر ئالغان ئىنقىلاب ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بىر يېڭى يۈزلىنىش دېيىش مۇمكىن.
لېنىن: «ھازىرقى زامان روسىيە ئىجتىمائىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم شەكلى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىۋاسىتە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئۇ، كونا قانۇننى پاچاقلاپ تاشلاپ، خەلقنى ئېزىدىغان ئورۇنلارنى گۇمران قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، يېڭى قانۇنچىلىقنى يارىتىدۇ.» (47) دەپ كۆرسەتكەنىدى. بۇ يولنىڭ تېپىلىشى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۈرۈپ كېلىۋاتقان «شەرئىي مەھكىمە» تۈزۈمىگە خاتىمە بەردى. بۇنىڭ بىلەن دىننىڭ قانۇنغا ئارىلىشىشى چەكلەندى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىنىڭ قانۇنغا چېتىلىدىغان قىسمى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتكە ياتىدىغان قىسمى ئۆرپ - ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شۇ خەلقنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنچىلىق تارىخىدا دۇچ كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولۇپ، 1000 يىلدىن ئاۋۋالقى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا كۆچكىنىگە ئوخشاش 1000 نى بىر دەۋر قىلغان ھالدىكى چوڭ كۆچۈش ھەرىكىتىدۇر. ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا كۆچۈۋاتقان ۋاقتىدا، ئۆز دەۋرى ئۈچۈن يېڭىلىق بولۇپ قارىلىۋاتقان ئىسلام دىنى 300 ياشقا كىرگەنىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇلار 300 ياشقا ئەمەس بەلكى 100 ياشقىمۇ كىرمىگەن باشقىچە بىر يېڭى شەيئىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ماركسىزمدۇر.
بىز كىتابىمىزنىڭ ئالدىنقى بىرقانچە بابلىرىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى بىلەن بولغان باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ بايان قىلدۇق. ئەمدى بىز ئۇنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنى بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقىمىزغا تەتبىق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بەرگۈزىمىز دېگەندە، ئۇنىڭ دەۋرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان كۆز قاراشلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ماركسىزملىق دۇنيا قاراشتا تۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق قىلىنمايدىكەن بۇ ھەقىقىي يوسۇندىكى ۋارىسلىق قىلىش ھېسابلانمايدۇ. ئىسلام دىنى ئەينى ۋاقىتتا قاراخانىلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەچكە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئالدى بىلەن خان، بەگلەرنىڭ جۈملىدىن بارلىق ھۆكۈمرانلارنىڭ تەقۋادار، ئىمانلىق بولۇشى لازىملىقى تەلەپ قىلىنغان. ئەپسۇسكى، ھازىرقى ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن بىر سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولغاچقا، دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرى ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئۇنى تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى كوممۇنىزمغا نىسبەتەن «ئىمان» لىق بولۇشنى، ماركسىزمغا نىسبەتەن «تەقۋادار» بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئېتىقاد» - قا بولغان ئۇقۇم بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرگەچكە ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئۆزگەردى. بۇنىڭغا نىسبەتەن قىلچە پىسەنت قىلماسلىق نەزەرىدە تۇرۇپ، ھازىرقى ماركسىزمچى ئەمەلدارلارنى ئەمەلدار بولۇش لاياقىتى يوق دەپ، ھەممىسىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان، خۇدانىڭ بىرلىكىگە پۈتىدىغان، «تەقۋادار» لارنى قويساق بولامدۇ؟ «قۇتادغۇبىلىك» تە، ئەرلەرنىڭ خوتۇنلارنى قاتتىق
باشقۇرۇشى لازىملىقى، ئۇلارنى سىرتقا چىققىلى قويماسلىق، ئەر - ئايال ھەمداستىخان بولماسلىق، ئەگەر ھەمداستىخان بولسا، نىزامنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىغا دائىر بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەن ھەمدە ناماز ئوقۇمايدىغان پاسىق، كوچىدىن كىرمەيدىغان ھاراقكەشلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن نازارەتچىلەرنى كۈچەيتىش لازىملىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭغا قاراپ، ئاياللارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن توسۇساق، يۈزىگە چۈمپەردە تارتماي كوچىغا چىقىپتۇ دەپ كۆرگەنلا يەردە تۇتۇپ، ئۇرساق، بىناماز بىلەن ھاراقكەشلەرنى دەررىلىسەك، روزا رامىزاندا ئاشخانا ئېچىپ تىجارەت قىلغانلارنى ئۇچۇقداپ، ئاشخانىلىرىنى مەجبۇرىي تاقىتىۋەتسەك بولامدۇ؟
«قۇتادغۇبىلىك» تە، ئاشبەزلەر بىلەن ئىدىشچى بېشىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىگە ساقاللىق بولۇش، ھەيۋەتلىك بولۇش تەلىپى قويۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ۋەزىپىگە قويۇلغان ئايرىم ساندىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ۋە باشقا ساھەدىكى زاتلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ساقال-بۇرۇتى يوق. ساقال قويۇش-قويماسلىق نىزام قىلىپ كۆرسىتىلمىگەن. ئەمما ئارمىيە ئىچىدە بولسا ئەھۋال يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىدىكىنىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، بىزدە ئالىي قوپانداندىن تارتىپ ئادەتتىكى كىچىك ئەسكەرگىچە بىردەك ساقال-بۇرۇت قويۇش ئادەت قىلىنىغان. بۇنىڭغا قاراپ، ئۇلاردىن ساقال-بۇرۇت قويۇشنى تەلەپ قىلساق بولامدۇ؟
بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بولمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۆزىتىلسە، ئۇنىڭ ھېچبىر ناتوغرا ئەمەسلىكى بىلىنىدۇ، ھازىرقى زامان روھى بويىچە كۆزىتىلسە، ئۇنىڭ بىر تارىخىي چەكلىمىلىككە ئىگە
قاراش بولۇپ، ئەگەر ھازىرقى رېئاللىققا ئۆز يېتىچە تەتبىق قىلىنسا ئىنتايىن يامان ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ. چۈنكى، جىنايەت بىلەن جازا ئوخشىمىغان تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇم ۋە مەزمۇنلارغا ئىگە. ئەينى زاماندا جىنايەت دەپ قارالغان ئىشنىڭ ھازىرقى زاماندىمۇ جىنايەت دەپ قارىلىشى، ئەينى زاماندا جىنايەت دەپ قارالمىغان ئىشنىڭ ھازىرقى زاماندا جىنايەت دەپ قارالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ھازىرقى دەۋر «قۇتادغۇبىلىك» دەۋرى ئەمەس، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى ئىدىيىلەر ئەمدى زامانغا لايىقلىشالمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇ خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىتىن بۇرۇنقى بەزى ئىدىيىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجى دەۋرىگە كەلگەندە زامانغا لايىقلىشالماي ئىستېمالدىن قالدۇرۇۋېتىلگىنىگە ئوخشاشلا ئىش. مۈشۈ كۆز قاراشنى يۈسۈپ خاس ھاجىنىڭ ئۆزىمۇ چەتكە قاقمايدۇ. ئۇ چاغدىكى ئالىلار جۈملىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنىمۇئز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى ئالىلار پۇتىغا مەسە-كالاش كىيىپ، بېشىغا سەللا يۆگىسە، ھازىرقى ئالىلار پۇتىغا شىبلىت كىيىپ بېشىغا چاچ قويۇپ يۈرىدىغان بولدى. ئۇ زاماندا مەھمۇد قەشقەرى پۈتۈن تۈرك يۈرتلىرىغا ئاتلىق بېرىپ سەپەر قىلغان بولسا، ھازىر سەپەر ئايروپىلان، پاراخوت، پويىزلار بىلەن بولىدىغان بولدى. ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ پۇتىغا مەسە تارتماي بەتىنكە كىيگەن، بېشىغا سەللا يۆگىمەي، چاچ قويغان، ئۇستېشىغا تون كىيمەي، پەلتو-ياكى گالستۈكلۈك كاستۇم كىيىپ يۈرگەنلىكىگە قاراپ، ئۇ ئالىم ئەمەسكەن، ئالىم دېگەن مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەكلا يۈرۈش لازىم ئىدى دەپ تۇرۇۋېلىش كېرەكمۇ؟ مۈشۈلارنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتە بىز بىر - بىرلەپ جاۋاب
بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ئەمەلىي مەسىلىلەردۇر. تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا كۆچۈۋاتقان ۋاقىتتا، خوتەن بۇددىستلىرى تۇرپان ۋە تىبەتلەردىكى بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئىسلام دىنىغا 24 يىل قارشىلىق كۆرسەتكەن. تۇرپاندا بولسا، ئىسلام دىنى ۸۷ ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن رەسمىي يۈت دەسسەپ تۇرالغان. بۇ ئارىلىقتا قوبۇل قىلدۇرۇش بىلەن قوبۇل قىلىشقا قارشىلىق كۆرسىتىش ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن قان تۆكۈلىدىغان جەڭلەر بولغان. ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ماركسىزم بىلەن ئىسلامدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېتىقادنىڭ ئارىلاشما ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئارىلىق دەۋرى دەپ ئېيتىش مۇمكىن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن ماركسىزمغا كۆچۈشى تېخى ئۈنچىلىك ئۇزۇنغا سوزۇلغان قان تۆكۈلۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يوق. ئۇنىڭ مۇنداق بولۇشى يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ماركسىزم ئەقىدىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قۇرۇق ۋەز - نەسىھەتلەر بىلەن ئەمەس بەلكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئادىل ئىنقىلابىي كۈرەش بورانلىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ شۇنداقلا، ئەڭ كەڭ ئۇيغۇر مېھنەتكەش ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئىككى ئەقىدىگە قارىغاندا، غايىبانە ۋە ئابستراكتنى ئەمەس بەلكى، تېخىمۇ رېئالنى، تېخىمۇ كونكرېتنى ۋە تولۇق ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ماركس «دېموكراتىزمچى رېئىن رايونلۇق كومىتېتىنى سايلاش» دېگەن ماقالىسىدە: «كونا قانۇننى يېڭى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. بۇ خۇددى كونا قانۇنلار كونا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلالىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش»، «كونا قانۇن مۇشۇ كونا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن تۇغۇلغان، ئۇ يەنە مۇقەررەر ھالدا
كونا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىلەن بىرگە يوقىلىدۇ. ئۇلار تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەكىشىپ ئۆزگىرىشتىن خالىي بولالمايدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا قارىماستىن، كونا قانۇننى ساقلاپ قېلىش، ماھىيەتتە باشقا نەرسە بولماستىن، پەقەت چىرايلىق گەپلەرنى چۈمپەردە قىلىپ، زامان بىلەن ماسلىشالمايدىغان خۇسۇسىي مەنپەئەتنى دەپ، پىشىپ يېتىشكەن ئورتاق مەنپەئەتكە قارشى تۇرغانلىق « دېگەنىدى (48). بىز كونا ئەنئەنىۋى قانۇن مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلغاندا، ئۇنىڭدىكى مەڭگۈلۈككە ئىگە ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇرۇشىمىز، زامانغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئايرىم پرىنسىپلارنى قورقماي تاشلىۋېتىشىمىز لازىم.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇبىلىك » تە، ئۆزىدىن بۇرۇنقى بەلكى ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋرلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرى ھەققىدە گەپ ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئەينەك قىلىشقا ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدىغان مىراسلارنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى ئۆز دەۋرىگە تەتبىق قىلغان. ئۆز دەۋرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، تەتبىقلىسا يامان ئۈنۈم بېرىدىغان خاتا ئىدىيە، كۆز قاراش ۋە ئەنئەنىلەرگە يېيىشىۋالماي قاتتىق رەددىيە بەرگەن، قىلچىۋ رەھىم قىلماي تاشلىۋەتكەن. ئاندىن يۇقىرىقلارنى يەكۈنلەپ ئۆز دەۋرى ئۈچۈن يېتەكچىلىك رولى بولغان يېڭى-يېڭى تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن تەۋەررۈك ئەڭگۈشتەردۇر. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيىسىدىن ۋارىسلىق ۋە ئەينەك قىلىشقا بولىدۇ دېيىلىدىغان جەۋھەرلەرنى سۈزۈپ چىقىشىمىزمۇ ئەنە شۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەدىمكىنى ئۆز دەۋرىگە خىزمەت قىلدۇرغان روھى ئاساسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نېمىسىنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلىۋېرىش
ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى توغرا ئىدىيىلەر بىلەن خەلقنى بەخت - سائادەت يولىغا توغرا باشلاپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى، بىرلىككە كەلگەن چوڭ ئائىلىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىشنى شۇنداقلا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن ئىدىيىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق مەيداندا تۇرۇپ ۋارىلىق قىلغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ دانالىقى ئاندىن زاھىر بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ، بىر داشقايناققا ئايلىنىپ، ئازراقمۇ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ.
(1) ئەھمەد زىيائى: « تارىخىي مىراس ( قۇتادغۇبىلىك ) توغرىسىدا »، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1983-يىل 4-سان 128-ۋە 150-بەتلەرگە قارالسۇن.
(2) بۇ « پروفېسورلار سوتسىيالىزمى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوتسىيالىزم لۇغىتى جىلىن خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 272-بەت « مۇنبەر سوتسىيالىزمى » غا قارالسۇن.
(3) يۇقىرىقى كىتاب 457-بەت « قانۇنشۇناسلار سوتسىيالىزمى » غا قارالسۇن.
(4) سوتسيالىزم لۇغىتى، جىلىن خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 253-بەتتىكى «ئىسلام سوتسيالىزمى» ۋە 127-بەتتىكى «باكىتان سوتسيالىزمى» غا قارالىۋۇن.
(5) « لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى »، خەنزۇچە، 3-توم 639-بەت. (6) « لېنىن ئەسەرلىرى »، خەنزۇچە، 2-توم 71-بەت. (7) « ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى »، خەنزۇچە، 5-توم، 359-بەت.
(8) دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما، (1975 — 1982)، ئۇيغۇرچە مىللەتلەر نەشرىياتى 1983-يىل 9-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى 504-505-بەتلەر، (9) «پارتىيە ئىستىلى»، ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 542-بەت، (10) فىڭ داجىن «مەملىكەتلىك ئىككىنچى قېتىلىق (قۇتادغۇبىلىك) ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن ئۆز»گە قارالسۇن، «قەشقەر گېزىتى» 1989-يىل 18-ئۆكتەبر سانى 2-بەت، (11) «لېنىن ئەسەرلىرى» خەنزۇچە، 33-توم 328-بەت، (12) «لېنىن ئەسەرلىرى»، خەنزۇچە، 33-توم 326-بەت، (13) «سوتسيالىزم لۇغىتى»، جىلىن خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 254-بەت، «ئىتكا سوتسيالىزمى»غا قارالسۇن، (14) جىن تيەن: «ئەڭ يېڭى رىقابەتلىشىش سەنئىتى — ئادالەتسىز رىقابەت»، يېزا ئوقۇشلۇغى نەشرىياتى 1989-يىل 12-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى 5-بەت، خەنزۇچە، (15) «جۇڭگو قانۇن ئىدىيە تارىخى»، قانۇن نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، خەنزۇچە، 295، 296، ۋە 299-بەتلەرگە قارالسۇن، (16) شىنجاڭ قانۇنچىلىقى گېزىتى، ئۇيغۇرچە، 1984-يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانى 4-بەت، «ۋۇمۇنىڭ ئۆز ئوغلىنى پالە-دىيانەتلىك قىلىپ تەربىيلىشى»گە قارالسۇن، (17) جىن تيەن: «ئەڭ يېڭى رىقابەتلىشىش سەنئىتى — ئادالەتسىز رىقابەت»، يېزا ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى 1989-يىل 12-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى 61-بەت، خەنزۇچە، (18) «لاۋزى، جۇاڭزى، لى زى»، يۆلۈ (ئېگىز تاغ ئېتىكى) كېتىلىچىلىقى نەشرىياتى، 1990-يىل چاڭا نەشرى، 324-325-بەتلەر،
خەنزۇچە .
(19) «سەنئەت نەزەرىيىسىدىن تەرجىمىلەر» مەجمۇئەسى (خەنزۇچە) نىڭ 1958-يىل 2-سانىدا كەلتۈرۈلگەن نەقىل، بۇ ھەقتە «مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھىكىمەتلىرى» (شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1981-يىل 5-ئاي 1-نەشرى، خەنزۇچە)نىڭ 46-بېتىگە قارالسۇن،
(20) «XIII ئەسىردىكى فىرانسىيە پەلسەپىسى» دېگەن كىتابنىڭ 785-بېتىدىن كەلتۈرۈلگەن نەقىل، بۇ ھەقتە يۇقىرىقى كىتاب 46-بەتكە قارالسۇن،
(21) يۇقىرىقى كىتاب 45-بەت،
(22) «ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 11-ئاي 1-نەشرى 556-بەتتىن 573-بەتكىچە قارالسۇن،
(23) «كەڭ بۇلۇڭلۇق كۆز ئاستىدىكى ئىزدىنىش» (ئاساسىي قانۇن ئىلمىي ماگىتىرى چىڭ گوياۋ بىلەن يېروفىسۇر گۇڭ شياڭرۇينىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە قىلىشقان سۆزبىتى)گە قارالسۇن، جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى 1989-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سان، 3-بەت، خەنزۇچە،
(24) خۇاڭ يەنى: «يەنئەندىن قايتقاندا»، خەنزۇچە 36-بەت،
(25) سۇن يىمىن: «سوتسيالىزم دەۋرىدىكى نازارەت قىلىش ئىلمىي ھەققىدە بايان»، مەركىزى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى، 1990-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 9-بەت، خەنزۇچە،
(26) مۇنتىكىۋە: «قانۇننىڭ روھى ھەققىدە»، شاڭۋۇ كىتاپخانىسى 1982-يىل نەشرى 154-بەت، خەنزۇچە،
(27) ۋۇدالاڭ — رومان «سۇ بويىدا» دىكى پېرسوناژ، ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى، ئۇ پاكار بولغاچقا، ئىقتىدارلىق كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ سىمۋولى قىلىنغان،
(28) شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، 1984-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانى، 4-بەت، ئۇيغۇرچە. (29) تەن بىك: «ئادەم ئىشلىتىشنىڭ بولى»، خۇاشيا نەشرىياتى 1986-يىل 12-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى 35-36-بەتلەر، خەنزۇچە. (30) «قۇتادغۇبىلىك»، 260، 271، 288، 213، 975، 1814، 1843، 2447، 4388، 5253، 3168، 154، 297، 208، 3169، 6605-بېيت. (31) لى گۈيجى قاتارلىقلار: «غىدىقلاشقا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك»، يېزا ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى، 1989-يىل 11-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى، خەنزۇچە، 5-بەتتىن 12-بەتكىچە قارالسۇن. (32) جىن تيەن: «ئەڭ يېڭى رىقابەتلىشىش سەنئىتى - ئادالەتسىز رىقابەت»، يېزا ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى، 1989-يىل 12-ئاي بېيجىڭ 1-نەشرى 5-بەت، خەنزۇچە. (33) يۇقىرىقى كىتاب، 64-بەتكە قارالسۇن. (34) «لۇشۇن ئەسەرلىرى 1-توم 124-بەت. (35) «لاۋزى، جۇاڭزى، لى زى»، يۆلۈ (ئېگىز تاغ ئېتىكى) كىتابچىلىق نەشرىياتى 1990-يىل چاڭغا نەشرى 16-بەت، خەنزۇچە. (37) يۇقىرىقى كىتاب، 35-بەتكە قارالسۇن. (38) يۇقىرىقى كىتاب، 41-بەتكە قارالسۇن. (39) ماركس-ئېنگېلنى تاللانما ئەسەرلىرى، خەنزۇچە، 4-توم 219-بەت. (40) ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى، خەنزۇچە نەشرى، 3-توم 817-بەت. (41) ۋېنگرىيىلىك ئىسلامشۇناس، 1850-يىلى تۇغۇلۇپ 1921-يىلى ۋاپات بولغان ئۇنىڭ «ئىسلام دىنى تەتقىقاتى» (2-توملۇق) ۋە «ئىسلام دىنىدىن ئوچېرىكلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (42) كاپسوغلو: « (قۇتادغۇبىلىك) ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت
تارىخىمىزدىكى ئورنى» غا قارالسۇن. «چەت ئەل ئالىملىرى — (قۇتادغۇبىلىك) توغرىسىدا» (1989-يىل) 155-بەت. (43) جاڭ شى: « (جۋاڭ زى) ۋە مۇدىرنېزم»، خېبېي خەلق نەشرىياتى، 1989-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، خەنزۇچە. بۇ ھەقتە يەنە بەي خەيجىڭنىڭ «مەدەنىيەت روھى ۋە رومان كۆز قارشى»، گاۋشۇدۇڭنىڭ «ھايات باغچىسى ۋە بىلىم باغچىسى»، ۋاڭ شەڭپىڭنىڭ «تەڭرى بىلەن ئىنساننىڭ بىر بولۇشى ھەم ئىلاھ بىلەن ئىنساننىڭ بىر بولۇشى»، ۋۇجۇڭمىننىڭ «كۇڭزى روھى ۋە قىددىس روھى» دېگەن ئەسەرلىرىگە قارالسۇن. (44) ئېنگېلس: «ليۇدۋىگ فېيبېرباخ ۋە گېرمانىيە كلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى» ئۇيغۇرچە نەشرى 64-بەت. (45) ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى، خەنزۇچە نەشرى، 4-توم 1-بەت. (46) «لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» خەنزۇچە، 4-توم. (47) لېنىن ئەسەرلىرى خەنزۇچە، 16-توم. (48) ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى توپلىمى خەنزۇچە، 6-توم.
خاتىمە
تارىخ بىزگە ئۇقتۇردىكى، زاماننىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلار ھامان ئۆز بەدىلىگە كېيىنكىلەر ئۈچۈن بول ئاچىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈتكۈل تارىخىدىكى قانۇن ئىدىيىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىدە جاھاننى كۆزىتىشتىكى ئاجايىپ ئۆتكۈرلۈكى، يېنىپ يېتىشكەن سىياسىي، ئەقلى ۋە قەلەم قابىلىيىتى، ئۆزىنىڭ نەپىئىنى كۆزلىمەي، ئەلنىڭ نەپىئىنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب خىسلىتى، راست گەپ قىلىشتەك چىنلىقى بىلەن قاراڭغۇ جاھالەتكە چىراغ ياقتى.
قانۇنشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ «… كىشىلىك (ئادەمگەرچىلىك) بوقىلىپ، پەقەت كىشىنىڭ ئېتىلا قالغان، يەنى كىشى قىسلىقى كۆرۈلۈپ، ئۇنى تاپقىلى بولمايدىغان…، جاھانغا جەبىر-زۇلۇم تولۇپ، ۋاپا قەھەتچىلىكى ھۆكۈم سۈرگەن…، قانۇن - نىزاملار تۈگەپ، كىشىلەر قەلبى بۇزۇلغان…، ئىشەنچ - ئەمىنلىك تۈگەپ، تىل بىلەن كۆڭۈل ئالا بولغان …، ياخشىلار كېتىپ، رەزىللەر قالغان …، يامانلار ياخشىلارنى چاياندەك چېقىپ، چىۋىندەك شوراپ، ئىتتەك قاۋايدىغان…» (1) بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا جەمئىيەت ئەخلاقى قاتتىق بۇزۇلغان بىر دەۋردە ياشىدى. «ئەرغىۋاندەك قىزىل مەڭزىگە زەپەر ئۇرۇقىنى سۈرتۈپ،
ئىپاردەك قارا بېشىغا كافۇر پۈركۈپ، تۈمەن رەڭ — چېچەكلىك يورۇق يازدەك جىسمىنى خازان قىلىپ، قېيىندەك تۈز بوينىنى ئەگرى يادەك ئېگىپ، يالغۇز ئولتۇرۇپ مۇڭلىنىپ، غەمدە ئۆزىنى جۈدىتىپ …» (2) خەلق ئۈچۈن نىجاتلىق تىلەپ، قانۇن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ زاماننىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئېلىمىزنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى لۈشۈن قەدىمكى زاماندا ياشىغان «خەلق ئۈچۈن نىجاتلىق تىلىگەن»، «قانۇن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان» كىشىلەر گەرچە خان، پادىشاھ، لەشكەر بېشى، ۋەزىرلەرنىڭ ئائىلە شەجەرىسى قىلىنغان «مەقىقى تارىخ» بىلەن باراۋەر بولسۇ، كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ شان - شەۋكىتى كۆمۈلۈپ قالمايدۇ، دېگەنىدى (3). يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە فېئودال قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ قانۇنشۇناسى بولسۇ، ئەمما ئۇ باشتىن ئاياغ خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ غېمىنى يېدى، ئۇلار ئۈچۈن چۇقان كۆتۈردى ۋە شۇ ئىشى ئۈچۈن «سۆيۈنۈپ كۈلەي»(4) دېدى. ئۇنىڭ ئادىل قانۇن بەرپا قىلىش بولىدا كۆرسەتكەن زور ئىجتىھاتلىرى ھەرگىز كۆمۈلۈپ قالمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ XI ئەسىردىكى ئىلمىي ئابىدىلىرىدىن بولغان «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، ئۇنىڭ شانلىق سەمەرىلىرىگە ھەققانىي باھا بېرىدۇ، ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇلۇغلاپ، چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن قاتتىق ياد ئېتىدۇ. «مەلۇمكى دۇنيادا ئۆتكەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئۇلارنى تارىخ بېتىدە ئەسلىتىپ تۇرىدىغان ھەرخىل يادىكارلىقلىرى بولغان. ئۇلار شۇ يادىكارلىقلىرى بىلەن زامان ئۆزگىرىشلىرىنىڭ مەھۇ ئىنتىزارلىق تۇمانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ يوقىلىپ كەتمەي، ئۆتمۈش ھاياتىنىڭ مەۋجۇدىيەت نىشانلىرىنى
تارىخ سەھىپىلىرىدە نامايان قىلىپ كۆرسىتىپ پەخىرلىنىپ كېلىشكەن » (5) ئىدى.
قېنى دوستلار، كېلىڭلار، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغ قانۇنشۇناسىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنى يادلاپ، ئۇنىڭ قەبرىگاھىغا بىللە تاۋاپ قىلايلى!، قانۇن دەستۇرىمىز — «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەنىۋى لەززىتىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنايلى! قانۇنشۇناسلىقنى قىزغىن سۆيۈپ، قانۇننى چىڭ قۇچاقلايلى!
(1) «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 6575، 6566، 6568، 6588، 6583، 6580، 6579، 6595، 6601-بېيتلار،
(2) «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 6529، 6530، 6531، 6532، 6587-بېيتلار،
(3) «لۇشۇن ئەسەرلىرى»، خەنزۇچە 6-توم 92-بەت، جېڭ ۋېيجاڭ، لى شيا قاتارلىقلارنىڭ «قەدىمكى زاماندا قانۇننى ئىجرا قىلىشقا دائىر ھېكايىلەر» دېگەن كىتابىدا كەلتۈرۈلگەن نەقىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى، «كىرىش سۆز» گە قارالىۋى.
(4) «قۇتادغۇبىلىك»، 6587-بېيت،
(5) ئەھمەد زىيائى: « ( قۇتادغۇبىلىك ) » نىڭ مەنسۇبىيىتى ۋە تىلى ھەققىدە». قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى (پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن قىسمى) 1989-يىلى 5-سان، ئۇيغۇرچە، 1-بەت،