قوياش خىسلىتلىك شاھ — كۈنتۇغدى ئېلىگ
بۇ ۋاپاسىز دۇنيانىڭ قىلىقلىرىنى ئەقىل ئىشلىتىپ تەسىۋۋۇر قىلساق، بىلىمنىڭ ئىشقا سالساق ئۇقالايمەن. مىجەز-خۇلقى جەلىپكارلىقتا قىزغا ئوخشىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاپاسىز، تۇراقسىز دۇنيا ئاللىبۇرۇن قېرىغان. قىزنىكىدەك چىرايلىق خۇلقى بىلەن سېنى ئاشىق قىلىدۇ-يۇ، تەلەپ قۇلۇڭنى سۇنساق قولۇڭنى بەرمەيدۇ. سۆيمەكچى بولساڭ كېيىكتەك قاچىدۇ، ئۆزۈڭنى قاچۇرماقچى بولساڭ پۇتۇڭغا ئېسىلىدۇ. بەزىدە توزىدەك ياسىنىپ ئارقاڭدىن چاپىدۇ، بەزىدە ئەزەلدىن كۆرمىگەن كىشىدەك يۈزىنى ئۆرۈيدۇ. ئاشۇنداق ھەر خىل قىلىقلىرىنى چىقىرىپ، تالاي-تالاي بەگلەرنى قېرىتتى، ئۆزى بولسا ساھىبقىران. شۇنچە كۆپ بەگلەرنى بۇ دۇنيادىن كۆچۈردى، ئۆزىنىڭ تېخى سۆزى تۈگىگىنى يوق.
زامانىمىزدا ئەقىل-ئىدراكلىق، بىلىم-پاراسەتلىك ئەلنىڭ كاتتىسى، دانا ۋە دانىشمەن بىر بەگ بار ئىدى. ئۇ بۇ ئەلدە ياشلىقىدىن تارتىپ ئۇزۇن يىل بەگلىك قىلدى. ئۇ قۇتلۇق نامى جاھانغا تارالغان كۈنتۇغدى ئاتلىق بەگ ئىدى. كۈنتۇغدى ئېلىگ قارنى-كۆكسى كەڭ، كۆزى توق، تەبىئىتى دۇرۇس، مىجەزى مۇلايىم، سۆز-ھەرىكىتى چىن خان ئىدى. ئۇ ئەقىللىق،
بىلىملىكلىكى ۋە سەزگۈرلۈكى بىلەن يامانلارغا ئوت، دۈشمەنگە ئاپەت ئىدى. ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى، مەغرۇرلۇقى ۋە دورۇسلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئورنى كۈنسېرى يوقىرى كۆتۈرۈلدى. كۈنتۇغدى ئېلىنى غەيرەت-شۇجائەت بىلەن ئادىل سىياسەت يۈرگۈزدى. ئالىجانابلىقنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى غەيرەت-شۇجائەتتۇر. شۇڭا سۆزمەنلەر ئېيتقانكى، يارماس ياۋۇزلارنى كۆزدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئادەم ھىممەتلىك ۋە مۇرۇۋەتلىك بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتىمۇ ھىممەت ۋە مۇرۇۋەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
كۈنتۇغدى ئېلىنى ئاشۇنداق يۈكسەك پەزىلەتلىرى بىلەن كۈن بىلەن ئايدەك جاھاننى يورۇتتى. كىم ئەقىلدە توشقان بولسا، ئۇنى يېنىغا چاقىرتۇردى. كىم بىلىمدە كامالەت تاپقان بولسا، ئۇنى يوقىرى كۆتۈرۈپ ئەزىزلىدى. شۇنداق قىلىپ كۈنتۇغدى ئېلىنىڭ ئوردىسىغا دۇنيادىكى ئەقىل-ئىدراكلىق، بىلىملىك ۋە پاراسەتلىك خىل كىشىلەر توپلاندى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ دۆلەت ئىشلىرىدا يەنىلا يالغۇزلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. گەرچە ئوردىدا شۇنچە كۆپ ئادەملەر توپلانغان بولسىمۇ، دۆلەت ۋە ئېلىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى يۈرەكلىك ئۈستىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ ياراملىق بىرەر ياردەمچىسىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
كۈنتۇغدى ئېلى بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى، كۆڭلى يېرىم ھالدا ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دېدى: بۇ بەگلىك ئىشى بۈيۈك ئىش. بىراق ئۇنىڭ ئېغىرمۇ، باش ئاغرىقىمۇ تولا، لېكىن بۇ ئىشلارنى جايىدا، كۆڭۈلدىكىدەك قىلالايدىغان پاراسەتلىك ئادەم تېپىش تولىمۇ قىيىن ئىكەن. ئېلىنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۆزۈملا قىلىپ كېتەلمەيمەن. ماڭا ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان، ئەقىل ۋە بىلىمدە كىشىلەرگە باش بولالايدىغان، تاللانغان كىشىدىن بىرى ئىش بېشى بولسا بولاتتى. ماڭا ۋە ئۆز ئىشىغا سادىق، ئىشەنچلىك، دىلى بىلەن تىلى بىردەك، بارلىق …
23
ئىچ سىرىمنى ياخشى چۈشىنىپ پەم ئېتەلەيدىغان بىر ئادەمگە ئېرىشسەم بولاتتى. بېشىمدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن كىشىلەرمۇ بىلىپ: ئەل ئىشىدا ياراملىق ياردەمچىڭ بولسا، بەگلىك جەبرنى ئازىيىپ، قانۇن-تۈزۈم ئوبدان يۈرۈشىدۇ، دېيىشكەن. ھەر قانداق ئىشتا ھەقىقەتەن بىر قابىل ياردەمچى بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ بۇ بەگلىك ئىشى تېخىمۇ كۆپ ياردەمچىگە موھتاج.
كۈنتۇغدى ئېلىك كۆڭۈلدىكىدەك ياردەمچىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن كېيىن بارلىق ئىشنى ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ شۇنداق جاپالىق ئىشلەيدىكى، ھالائەت يولىدا تولىمۇ مېھنەت چەكتى. «راھەت بىلەن مۇشەققەت قوشكېزەك، شادلىق بىلەن قايغۇ ھەمراھ» دېگەن گەپ بىكار ئەمەستە. ئورۇنۇڭ يوقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى باش ئاغرىقىڭمۇ كۆپىيىدۇ. باش چۆكايغانسېرى كىيىدىغان بۆكۈمۇ چۆڭىيىدۇ ئەمەسمۇ. ئېلىك ئەل ئارىسىغا كۆز-قۇلاق بولىدىغان نازارەتچىلەرنى ئەۋەتتى. تاقاقلىق ئىشىكلەر ئۇنىڭغا داغدام ئېچىلدى. ئەل ئىچىدىكى يارامسىز ئېسەكلەرنى باغلاپ جىمىقتۇردى، يامانلارنى سۈرگۈن قىلىپ ئەلدىن يىراقلاشتۇردى. كۈنتۇغدى ئېلىكنىڭ ئاشۇنداق سەگەك باشقۇرۇشى بىلەن بەختى نۇرلىنىپ، نام-شۆھرىتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
ئادەم ئۈچۈن ھوشيارلىق ئىنتايىن مۇھىم، بەگلىك ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئېلىنىڭ تەقدىرى، سەلتەنىتىنىڭ ئۆزۈن داۋاملىشىشى ئاشۇنداق ھوشيارلىققا باغلىق. بۇ سۆزنىڭ ئۆلىنى بىر شائىر تىلى بىلەن مۇنداق قۇرغان:
ئويغاقلىق ۋە ساقلىقنى ماختىدى ئەل، غاپىللىق بىلەن ئەر تۆمەنلەپ ئۆلەر. غاپىل بولما ساقلان، پۈتۈن ئىشتا سەن، تىلە ئىككى دۇنيا بۇ ساقلىق بىلەن.
بىغەم ئادەملەر غاپىل كېلىدۇ. دۈشمەن باستۇرۇپ كەلسە ئاۋۋال غاپىللار ئۆلىدۇ. سەگەكلىك بىلەن دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پاراغەتتە ئەل سورىغانلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: ھەي جاھان سورىغۇچى، ئەل سورايمەن دېسەڭ ئېھتىياتچان بول، ئېھتىيات قىلماق شەرىئەت ھۆكۈمىدۇ بارغۇ. بېخەتلىك ئەلگە ئاپەت، ھوشيارلىق ئەلگە سائادەت كەلتۈرىدۇ. بەگنىڭ راھىتى دېگەن مانا شۇ.
كۈنتۇغدى ئېلىگ ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز مۇشەققەت يۈدۈپ، دۆلەتنى ياخشى تەرتىپكە سالغانلىقى ئۈچۈن، ئېلى بېيىدى، قوي بىلەن بۆرە بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. ئۇنى دوستلىرى قوللاپ ماختىسا، دۈشمەنلىرى ئېگىلىپ بويۇن ئېگىشكە مەجبۇر بولدى. بىرى ئېلىگدىن پاناھ تىلەپ باش ئۇرسا، يەنە بىرى كېلىپ بەگلىكنىڭ ئىشىكىنى سۆيدى. كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ نام-شۆھرىتى جاھانغا يېيىلدى، خىسلىتى ئالەمگە تارالدى. ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن قۇتلۇق دۇئالار ياغدى. ئونىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلىغان جاھان خەلقى ئۆزلىرىنى كۈنتۇغدىنىڭ سەلتەنىتىگە ئاتاپ، ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىدى. بۇ شان-شۆھرەت بىلەن دۆلەت كۈنمۇكۈن زور ايدى. جاھان ئۆزىگە بەخت كەمىرىنى باغلاپ، قوزا بىلەن بۆرە قېتىلىپ ياشايدىغان بولدى.
شۇنداق، ئەگەر قانۇن توغرا يولغا قويۇلغان بولسا، بەگلىكنىڭ ئىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بەگنىڭ مىجەز-خۇلقى ياخشى بولسا خەلقنىڭ ھال-كۈنى قانچىلىك ياخشى بولاتتى-ھە! بەگ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئادىمىيلىك يوسۇنىدا ئادالەت بىلەن باشقۇرسا، ئۇ كىشى نەقەدەر ياخشى ئاتلىق بەگ بولاتتى! ئىنسان ئۈچۈن ياخشى ئاتاق قانچىلىك مۇقەددەس-ھە! بۇنداق ياخشى نام-ئاتاق ئادەمگە مەڭگۈ بەخت كەلتۈرىدۇ.
25