ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئەلىگ خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى
ناھايىتى يىراق بىر ئاۋۇلدا ئايتولدى ئاتلىق ھەر جەھەتتىن تولۇشقان بىر كىشى ياشايتتى. ئۇ ئوغلان شۇنچىلىك قامەتلىك، كېلىشكەن يىگىت ئىدىكى، ئەقىل-ئىدراكتە، ئىلىم-بىلىمدە جاھاننىڭ يەكتاسى، ئەدەپ-ئەخلاقتا زامانىسىنىڭ يىگانىسى ئىدى. سۆزلىسە تىلىدىن ھەقىقەت تاماتتى، چىرايلىق ھۆسنىگە قارىسا كۆز قامىشاتتى. ئۇ پۈتۈن پەزىلىتىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا يىغىپ، ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ساھىبىغا ئايلانغان ئىدى.
ئايتولدىنىڭ ئۆز كۈنلىرىنىڭ مەنىسىز، تۆھپىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن ئىچى تىتلىدايتتى. ئۇ كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۆزىنى دەڭشەپ كۆرۈپ، ئۆز-ئۆزىگە: «ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ئەلنىڭ ئالدىدا تۇرساممۇ، نېمىشقا كۈنلىرىمنى بۇ يەردە قۇرۇقتىن-قۇرۇق مەنىسىز ئۆتكۈزىمەن؟ ياق، مەن كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ خىزمىتىگە باراي. ئۇ خاقاننى ئېغىر بېسىق، تەمكىن، قابىلىيەت ئىگىلىرىنى قەدىرلەيدىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم، توغرا، ئەقىل قەدرىنى ئەقىللىق بىلىدۇ. ئەگەر بىلىملىكلەر بىلىمىنى ساتماقچى بولسا، يەنىلا شۇ بىلىملىكلەر خېرىدار بولىدۇ. شۇڭا بىر شائىر بۇ توغرىدا:
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر، ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كېلۇر.
نېچۈك تەلوە بىلىگېي بىلىم قەدرىنى؟ بىلىم نەدە بولسا، بىلىملىك ئالۇر.
دېپ توغرا ئېيتقان. بولدى، ئېلىگ قېشىغا باراي، ئەل ئۈچۈن تۆھپە يارىتاي» دېدى-دە، دەرھال سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشتى. ئايتولدى سەپەر ئۈچۈن لازىملىق ئات-ئۇلاغ، كىيىم-كېچەك، قورال-ياراغ قاتارلىق يول جابدۇقلىرىنى تەييارلاپ، كۈنتۇغدى ئېلىگ ھۇزۇرىغا بېرىش ئۈچۈن ھازىرلاندى. ئۇ: «مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئېلىگ خىزمىتى ئۈچۈن يات يۇرتقا كېتىپ بارىمەن، مۇساپىرلىق، غېرىبلىق دېگەن تولىمۇ قاتتىق ئىش. غېرىبلىق نى-نى ئەرلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرغان. يات يۇرتتا پۇلپۇچەك بەك لازىم بولىدۇ، قولۇم قىسقا بولۇپ قالسا سارغىيىپ قالىمەن. شۇڭا، مەن كۆپرەك ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىۋېلىشىم لازىم» دېدى ئۆز-ئۆزىگە. ئايتولدى خىيالىغا يەنە ئالىملارنىڭ مۇنۇ تەۋسىيەلىرىنى كەلتۈردى: «كىمكى خان خىزمىتىگە كىرمەك بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىككى نەرسە ئەڭ لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، نۇقسانسىز خىزمەت كۆرسىتىپ، يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن لازىم بولغان ئاغرىق-سىلاقسىز ساغلام بەدەن. يەنە بىرى، بەزى مۇھىم ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن لازىم بولغان ئالتۇن-كۈمۈش. شۇندىلا يول راۋان بولىدۇ، بولمىسا ئىشىك تاقىلىدۇ.» ئۇ شۇلارنى ئويلاپ، ئالتۇن-كۈمۈشلىرىدىن يېتەرلىك ئېلىپ يولغا چىقتى.
ئايتولدى سەپەر جەريانىدا ناھايىتى كۆپ يول مۇشەققەتتى تارتىپ، ئاخىرى كۈنتۇغدى ئېلىگ تورۇشلۇق پايتەختكە يېتىپ كەلدى. شەھەرگە كىرىپ ئاۋۋال ياخشىراق بىر قونالغۇ ئىزدېگەن بولسىمۇ، قونالغۇ تاپالماي، بۇ كەلگەن ئالەم ئۇنىڭ ئۈچۈن تار تۇيۇلدى. ئۇ غەمگە پېتىپ بىر مۇساپىرخانىغا چۈشتى. ئۇ بۇ تاغنى ناھايىتى تەستە ئاتقۇزدى. چۈنكى تونۇش-بىلىشلىرى بولمىغان
ئادەم ئۈچۈن يات كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇش تولىمۇ قىيىن. ئۆزى كېلىپ باقمىغان ئەلدە ئادەم يېڭى كېلىندەك تېنىپ، كېكەچتەك بولۇپ قالىدۇ. تونۇش-بىلىشلىرى بولمىغان كىشى يەنە قارغۇغا ئوخشاش يولدىن ئازىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنى ئېسىكە بۇيرۇماسلىق كېرەك.
ھەي دانا كىشى، غېرىب-مۇساپىرلارنى قەدىرلە، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بول، ئۇلاردىن ئاش-تۇزۇڭنى ئايىما. مۇساپىرلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولساڭ يۈزۈڭ يورۇيدۇ، نام-شۆھرىتىڭ يېيىلىدۇ. دېمىسىمۇ كىشىگە ھەر قانداق جايدا بىلىش-تونۇش كېرەك بولىدۇ، ھەر قانداق ئىش تونۇش-بىلىش ئارقىلىق ھەل بولىدۇ.
ئايتولدى خېلى بىر مەزگىل غېرىبلىق ئازابىنى تارتىپ، كۈنلىرىنى بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇ كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدى. ئايتولدى چوڭ-كىچىككە ئوچۇق-يورۇق، سەمىمىي مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن تېز ئارىدا دوست-بۇرادەرلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئايتولدىنىڭ پايتەختكە كېلىپ تونۇشقان دوستلىرى ئارىسىدا كۆسەمىش ئاتلىق ياخشى بىر يىگىت بار ئىدى. ئايتولدى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ شەھەرگە نېمىشقا كەلگەنلىكىدىن تارتىپ، نېمە مەقسەت ۋە قانداق ئارزۇدا ئىكەنلىكىگىچە كۆڭلىدىكى گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى.
كۆسەمىش مەرد بىر خاس ھاجىپنى تونۇيتتى. ئۇ ھاجىپ كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن خېلى ياخشى سەرداشلاردىن ئىدى. كۆسەمىش بىر پۇرسەت تېپىپ ھاجىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئايتولدۇنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۇنىڭ مەقسەت-مۇراتلىرىنى بىرمۇبىر سۆزلەپ، ئايتولدۇنى كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى ئۆتۈندى.
— ئاۋۋال مەن بىلەن بىر كۆرۈشسۇن، — دېدى ھاجىپ
كۆسەمىشتىن ئايتولدىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، — مەن ئۇنى كۆرەي، ئاندىن بۇ ئىشنى ئېلىڭگە مەلۇم قىلىپ، ئونىڭ قاچان قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى سوراي.
كۆسەمىش خاس ھاجىپنىڭ قېشىدىن خۇشال قايتىپ بېرىپ، ئايتولدىغا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى:
— ھەي ئايتولدى يۈر، كۈنۈڭ تۇغۇلدى. ئەمدى بېرىپ ھاجىپ بىلەن كۆرۈشۈپ، قانداق تىلىكىڭ بولسا ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئايان قىل. ئو سېنى كۆرسۈن، چۈشەنسۈن، سۆزلىرىڭنى ئۆز ئاغزىڭدىن ئاڭلىسۇن، مېنىڭ دېگىنىم ئۆزۈڭنىڭ دېگىنىڭگە يەتمەيدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىشىنى يەنە بىر كىشى ئۆزىدەك قىلالمايدۇ. دۇنيادا سەن ئۈچۈن ئەڭ سادىق، كۆيۈمچان ئادەممۇ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭدەك سادىق بولالمايدۇ.
ئايتولدى ئورنىدىن تۇرۇپ، تونىنى كىيدى، كۆسەمىش بىلەن بىرگە خاس ھاجىپنىڭ ھۇزۇرىغا يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار خاس ھاجىپنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئاتتىن چۈشۈشتى. ھاجىپنىڭ خىزمەتچىسى چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. ئالدى بىلەن كۆسەمىش ئۆزى كىرىپ خاس ھاجىپ بىلەن كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن، ئايتولدىنى باشلاپ كىرىپ ھاجىپ بىلەن كۆرۈشتۈردى.
ھاجىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە تۆردە باشلىدى، كىچىك پېئىللىق بىلەن ئايتولدىدىن ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى، قەيەرلىك چۈشكەنلىكى، نەدە تۇرۇۋاتقانلىقى، تونۇشلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى، تۇرمۇش ئەھۋالى، نېمىگە موھتاجلىقى، تىلىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى.
ئايتولدى خاس ھاجىپ سورىغان ئەھۋاللارغا بېرمۇ بىر جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، مۇددائاسىنى مۇنداق بايان قىلدى:
— ھەي دۆلەتمەن ھاجىپ، مەن كۈنتۇغدى ئېلىڭنىڭ ئۇلۇغ نامىنى كۆپ ئاڭلىدىم. ئونىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك،
بىلىملىكلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇڭا، ئونىڭ خىزمىتىنى قىلىش تىلىكىدىمەن. مانا شۇ ئارزۇ مېنى ئونىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ھاجىپ جانابلىرى مۇناسىپ كۆرسە، كۆڭۈلدىكى تىلىگىنى مېنىڭ بۇ تىلىكىمدىن ۋاقىپلاندۇرسا، دېگەن ئۈمىدتىمەن.
خاس ھاجىپ ئايتولدىنىڭ تەقى-تۇرىقى، مىجەز-خۇلقى، ھۆسنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ئونىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئونىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى. ئايتولدىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغان خاس ھاجىپ: «مانا بۇ كىشى ھەقىقەتەن ئېلىگ خىزمىتىگە مۇناسىپ ئىكەن» دەپ ئويلىدى.
سۆيگۈگە سازاۋەر بولغان كىشىلەر ئېيتىدۇكى، كىم سۆيۈلسە ئونىڭ ئەيىبى پەزىلەتتەك سېزىلىدۇ. سۆيگۈگە سازاۋەر بولمىغاندا، ئونىڭ پەزىلىتىمۇ ئەيىب بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بۇ گەپكە ئولىنىپ مۇنداق بىر شاھەت سۆز يادىمدىن كېچىپ قالدى: كۆڭۈل كىمنى سۆيسە ئونىڭ قۇسۇرىمۇ پەزىلەت بولۇپ تۇيۇلىدۇ، بارلىق تەترۇ ئىشلىرى ئوڭ بولۇپ كەمىمۇ تولۇيدۇ. ئونىڭ ھەممە ئىشى سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ-دە، ھەتتا ئۇ كۆرەر كۆزگە ئۇرسىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
— ئالدىرىماي مېنى كۈتۈپ تۇرغىن، — دېدى خاس ھاجىپ ئايتولدىغا جاۋابەن، — مەن ئاۋۋال ئېلىگكە مەقسەت-تىلىكىڭنى ئايان قىلاي، تەربىيىنى ئېيتاي، ئۇ يۈزۈڭنى كۆرۈپ سېنى تونۇسۇن، قەدەرىڭگە يەتسۇن، ئاندىن دىدار كۆرۈشكەننىڭ تۈزۈكى. خاتىرجەم بولغىن، مەن سېنىڭ ھەر قانداق ئىشىڭ بولسا خۇشاللىق بىلەن ئارتۇقراق بېرىشكە تىرىشىمەن.
خاس ھاجىپ ئايتولدىغا شۇنداق ياخشى سۆزلەرنى قىلدى، ئىشنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېلىنى مەھكەم باغلىدى. ئەل يۈكىنى كۆتۈرىدىغان ياخشى ئادەم دېگەن مانا شۇ-دە. كىم ئەل ئىچىدە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەن بولسا، ئۇ ئاشۇنداق تەمسىن
30
مەجەزلىك، ئۆز قىلىقلىق بولۇشى لازىمدۇر. ئەل ئىچىدە كىمنىڭ قولى ئۇزۇن بولسا ئەل ئۈچۈن ياخشى، ئادالەتلىك قانۇن يۈرگۈزسۈن. كىم ئەل ئىچىدە سۆزنى ئۆتكۈزىمەن دەيدىكەن، گېپى چۈچۈك، تىلى شېرىن بولسۇن. ئەلدە ئۇلۇغ ئورۇنغا ئېرىشكەن ئادەم تا چىچى ئاقارغىچە ئۆزىنى كىچىك پېيىل تۇتماقلىقى لازىمدۇر. ساڭا بۇ بەخت ۋە ئامەت مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۆتۈپ كېتىدۇ. ساڭا مەڭگۈلۈك لازىملىقى ياخشىلىق قىلىش بىلەن مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىشتۇر.
- ھەي بەخت كەمىرىنى بېلىگە باغلىغان يىگىت، - دېدى يەنە خاس ھاجىپ ئايتولدىغا، - ھازىرچە قايتىپ تۇرغىن، ئانچە ئالدىراپ كەتمە، قانداق ئىشقا ئالدىرىساڭ ئۆزۈڭگە سوزۇلىدۇ. ئالدىراپ قىلغان ئىشنىڭ ئاخىرى پۇشايمانغا قويىدۇ. ئىشنىڭ ۋاقىت-سائىتىنى كۈتۈش، ئالدىرىماسلىق لازىمدۇر. ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ ئۆز ۋاقىت-قەرەلى بولىدۇ. ھېچقانداق ئىش ئۆز قەرەلىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.
ئايتولدى خاس ھاجىپنىڭ قىممەتلىك شېرىن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
- بولىدۇ، مەن ھازىرچە قايتىپ تۇراي، مېنى كۆردۈڭ، سۆزلىرىمنىمۇ ئاڭلىدىڭ، قالغان ئىشنى جانابلىرى ئۆزۈڭ بىلىپ ئورۇنلاشتۇرغىن. قانداق چاغدا مېنى چاقىرتساڭ، مەن ئۆز ۋاقىتدا ھوزۇرۇڭغا ھازىر بولىمەن، - دېدى ۋە كۆپ رەھمەتلىرىنى ئېيتىپ تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەتتى.
ئايتولدى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، خاس ھاجىپ شېرىن خىيالغا چۆمگەن ئىدى: «بۇ ئادەمنىڭ مەجەز-خۇلقى ئالاھىدە ئىكەن. مەن بۇنداق ئەقىل-پاراسەتكە تولغان، خەلقنى باشلىيالايدىغان ئادەمنى ئۇچراتمىغان ئىدىم. جەمئىيەتتە بۇنداق ئادەملەر تولىمۇ قىس. قىممەتلىك نەرسىلەر قىس»
31
بولغانلىقى ئۈچۈن قىزنىڭ نامىمۇ (قىز)① ئاتالغان ئەمەسمۇ؟! دۇنيادا نېمە قىس بولسا ئۇ قىممەتلىك بولىدۇ. قىممەتلىك نەرسىلەرگە كۆپ مۇشەققەت چەكمىگىچە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. كۈنتۇغدى ئىلىككە دەل مۇشۇنداق ئادەم كېرەك، ئەلمۇ مۇشۇنداق ئادەمگە موھتاج. پەزىلەتلىك، قابىلىيەتلىك ئادەم ھەممىگە مەنىپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ.»
* * *
بىر كۈنى ياخشى بىر پەيتنى تاپقان خاس ھاجىپ كۈنتۇغدى ئىلىككە ئايتولدى توغرىسىدا سۆز ئاچتى. ئايتولدىنىڭ بارلىق ياخشى تەرەپلىرىنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى.
كۈنتۇغدى ئىلىك ھاجىپتىن ئايتولدىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئايتولدىغا قىزىقتى.
— قېنى ئۇنى چاقىرتىڭ، — دەپ بۇيرۇدى كۈنتۇغدى ئىلىك، — مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي. مەنمۇ دۆلەت ئىشىنى ئادالەت بىلەن ئىشلىيەلەيدىغان ئاشۇنداق بىر كىشىگە موھتاج بولۇپ تۇراتتىم، تىلىكىمنى تاپقان ئوخشايمەن. يۈگۈرگىن، ئۇنى تېزدىن ھۇزۇرۇمغا كەلتۈر.
ھاجىپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قوۋۇق ئالدىغا چىقىپ، بىر ئوغلاننى ئايتولدىنى دەرھال چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئوغلان تېزدىن بېرىپ ئايتولدىغا بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئايتولدى سۆيۈنگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ تونىنى كىيدى-دە، ئېتىنى مىنىپ ئوردىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ قوۋۇق ئالدىغا كەلگەندە خاس ھاجىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئۇ ئايتولدىنى ئايرىم خانىغا باشلاپ، تۆرگە تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى ئەدەپ
① قىز — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قىز» سۆزى «قىس» ، «كەم» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، «قىز» (قىز بالا) سۆزى بىلەن ئاھاڭداش كېلىدۇ.
بىلەن توردىن ئورۇن ئالدى.
خاس ھاجىپ ئىلىگنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئېھتىرام بىلەن ئايتولدىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئىلىگ كىرىشكە ئىجازەت قىلدى:
— ئونى چاقىرغىن، قېشىمغا كىرسۇن، ئۇ مېنى كۆرسۇن، مەنمۇ ئونى كۆرەي.
ھاجىپ ئايتولدىنىڭ قېشىغا چىقىپ، كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئىجازەت بەرگەنلىكىدىن ۋاقىپلاندۇردى ۋە:
— ھەي ئايتولدى ئورنۇڭدىن تۇر، بەختىڭ ئېچىلدى، ئىلىگ ھۇزۇرىغا كىرگىن، — دېدى.
ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن تىزلىنىپ تۇرۇپ ئىلىگگە سالام بېجا كەلتۈردى ۋە قىزغىن مەدھىيىلەر ئوقۇدى. ئىلىگ ئايتولدىنىڭ چىراي-تۇرقىنى كۆرۈپ كۆڭلى يورۇپ كەتتى. ئايتولدىنىڭ شېرىن سۆزلىرى ئىلىگنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. ئىلىگ ئايتولدىدىن:
— ئۆزۈڭ كىمسەن، نام-شەرىپىڭ نېمە؟ قايسى يۇرتتىن كەلدىڭ، ھازىر نەدە تۇرۇۋاتىسەن؟ — دەپ سورىدى.
— ئەي بەختلىك ئىلىگ ئالىيلىرى، — دەپ تەۋەززۇ بىلەن جاۋاب بەردى ئايتولدى، — ئادەمىيلىك نام ئەل خىزمىتىنى قىلىش بىلەن تېخىمۇ قىممەتنى تاپىدۇ. مەن ناھايىتى ئوزۇن مۇساپىنى بېسىپ، ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارزۇسىدا بۇ شەھەرگە كەلدىم. مانا بۈگۈن دىدارىڭنى كۆرۈپ ئارزۇيۇم قاندى، تىلىكىمگە يەتتىم. نام-شەرىپىمنى سورىساڭ خىزمەتكار قۇلۇمەن، ئورنۇم ئىشىك ئالدى، خۇي-پېيىم توغرىلىق-تۈز-لۈكتۇر. ئالىيلىرىدىن ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، مۇراد-تىلىكىمنى يەردە قويماي خىزمىتىگە سالساڭ، جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئەل خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلىغايىمەن.
ئايتولدىنىڭ ئەدەپ-تەۋەززۇ بىلەن قىلغان سۆزلىرى
كۈنتۇغدى ئىلىگنى مەمنۇن قىلدى. ئۇ كۆڭلىدە «ئۆزۈمدىن بېرى تىلىگەن ئادەمنى تاپقان ئوخشايمەن» دەپ ئويلاپ، ئۇنى ئىشلىتىپ سىناپ كۆرمەكچى بولدى.
— ئايتولدى، سېنى كۆردۈم، — دېدى ئىلىگ جاۋابەن، — چىراي ۋە خۇلقۇڭ مېنى سۆيۈندۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا يېقىن تۇرۇپ، ساداقەتلىك بىلەن خىزمىتىمنى قىلغىن. تۆھپە كۆرسەتسەڭ مەندىن كۆپ ئېھسانلار ئالارسەن. خىزمىتىڭ جايىدا بولسا بەخت ساڭا ئىشەك ئاچىدۇ، ئەجرىڭگە مۇناسىپ مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولىسەن.
— ھەي ئادىل خاقانىم، — دېدى ئايتولدى ئىلىگگە باش قويۇپ، — كۆزى يورۇققا بەخت قول بېرىدۇ. مەن ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ كەلدىم. خىزمەتنى دۇرۇس ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللا ماڭا مەدەد قىلغاي، خىزمەتتە يېڭىلىشىپ قېلىشتىن ئۆزى ساقلىغاي.
ئايتولدى ئورنىدىن تۇرۇپ كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ مەشئەلدەك يورۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا ئىشەك ئالدىغا چىقتى.
شۇنداق، بەگلەر كىشىگە كۈلۈپ باقسا، ئادەمنىڭ دىلى يورۇپ، ئەقلى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئۇنى ئۆمىدلەندۈرىدۇ. بەگنىڭ ئىلتپاتىغا ئېرىشكەن كىشىنىڭ ئەل ئارىسىدىكى ئېتىبارىمۇ ئاشىدۇ. بەگلەر كىمنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، ھەممە كىشى ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىدۇ. بەگلەر دېگەن بەخت دېمەكتۇر. بۇ بەختكە يېقىنلاشقان ئادەم مەقسەتكە يېتىلەيدۇ، ئىشلىرىمۇ روناق تاپىدۇ.
شۇنىڭدىن تارتىپ ئايتولدى جان دىلى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ سەھەردىن كەچكىچە خىزمەتتىن
ئايىرىلمايتتى، كۈندۈزى قاراوۇللۇق قىلسا، كېچىسى كۆزەتچىلىك قىلاتتى، ئىشلارنى سادىقلىق بىلەن ئادىل قىلاتتى. ئۇ پات-پات ئىلىككە كۆرۈنۈش قىلىپ تۇردى، ئىلىكمۇ ئۇنىڭغا ياخشى كۆز بىلەن قارىدى. بارا-بارا ئايتولدى خىزمەت كۆرسىتىپ قەدىر-قىممەتكە سازاۋەر بولۇشقا باشلىدى.
ھەر قانداق يەردە ياخشى خىزمەت قىلغان ئادەم ھەر قاچان قەدىر-قىممەتكە نائىل بولىدۇ. خىزمىتى ئۆتۈقلۇق بولسا كىچىكلەرمۇ ئۇلۇغ سانىلىدۇ. نەتىجىلىك خىزمەت بىلەن ھەتتا قۇللۇق بۈيۈكلۈككە ئېرىشىدۇ. كىممۇ ئەمەكسىز، مېھنەتسىز تىلىكىگە يېتەلىگەن. دانىشمەنلەر شۇڭا: ئېتىبارسىز قالغان كىشى خىزمەت بىلەن تۆرگە ئېرىشىدۇ، يارامسىز ئادەم قانداقلا قىلسۇن، بېرىبىر پەگادا قالىدۇ، دېيىشكەن.
ئايتولدى ئىشلىرىدا كۈنمۇكۈن نەتىجە يارىتىۋاتاتتى. ئىلىكمۇ سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭغا قوۋۇقنى ئېچىپ بەرگەنىدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا بارا-بارا يېقىنلىق پەيدا بولدى، قايغۇلىرى تۈگەپ، خۇرسەنلىكى ئاشتى، ئايتولدى ئوردىدا خادىمى بولۇپ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىلىكمۇ ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىپ يار-يۆلەكتە بولۇپ تۇردى. ئىلىك ئايتولدۇنى ھەر تۈرلۈك ئىشلاردا سىناپ كۆرۈپ، ئاخىرى ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك خادىمغا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.
35