ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگگە ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلغانلىقى
بىر كۈنى كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغاندا، دىلى ئايتولدى بىلەن سىردىشىشنى خالاپ قالدى ۋە ئۇنى ھۇزۇرىغا چاقىرتتى. ئايتولدى خۇشال ھالدا ئوردىغا كىردى ۋە ئىلىگنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆرە تۇردى.
— بۇ ياققا كېلىپ ئولتۇرغىن، — دەپ ئەمر قىلدى ئىلىگ ئورۇننى ئىما قىلىپ.
ئاجايىپ ئىش، ئايتولدى ئىلىگ كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇرماستىن، يېنىدىن بىر توپنى چىقىرىپ، ئاستىغا قويۇپ ئولتۇردى. ئىلىگ بۇ ئىشقا بىر ئاز ئەجەبلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىلىم-ھېكمەتتىن سۆز ئاچتى. ئايتولدى بولسا لايىقىدا جاۋاب بېرىپ قويۇپلا توپ ئۈستىدە پەرۋاسىز ئولتۇردى. ئىلىگ ئۇنىڭغا يەنە سۆيۈنۈش بىلەن ئىللىق بېقىۋېدى، ئايتولدى بۇ ئىلتىپاتنى كۆرۈپ كۆزىنى يۇمۇۋالدى، ئىلىگ سۆزىنى توختاتتى. ئايتولدىمۇ كۆزىنى ئاچماي ئولتۇردى. بىر دەم تۇرۇپ ئىلىگ يەنە گەپ ئاچتى، لېكىن ئايتولدى تەرىنى تۈرۈپ جاۋاب بەردى ۋە تەتۈر قارىۋالدى.
ئىلىگ ئايتولدىغا ھەر جەھەتتىن دىققەت قىلغان، ئۇنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى. شۇڭا، ئايتولدىغا ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىلىپ، كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتكەن ئىدى، ئەمما قانداقتۇر بۈگۈن ئىش پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى. ئايتولدى يۈزىنى
تېزلا ئۆرۈلگەن ئىدى. بۇ سىرلىق قىلىقلاردىن غەزەپلەنگەن ئېلىگنىڭ چىرايى تۇتۇلدى ۋە كايىپ كەتتى: — مانا بۇ مېنىڭ ئالدىراغۇلۇق قىلغانلىقىمنىڭ مۇكاپاتى، — دېدى ئۇ، — بۇ نۆۋەت ئۆزۈم ئازدىم. نېمىشقىمۇ ئالدىراپ سۆز ئاچقاندىمەن؟! بىلىملىك ئادەملەر: ئالدىراپ قىلغان ئىشلار ەامان خام بولىدۇ، چالا پىشقان ئاش قورساقنى ئاغرىتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن. ھەقىقەتەن تەنتەكلىك يېڭىلىشىشنىڭ بېشى، ئېغىر بېسىقلىق ياخشىلارنىڭ ئىشى ئىكەن. مەن سېنى تازا ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئوبدان سىناپ باقمايلا خىزمەتكە سېلىپ، ئۆزۈمگە يېقىن تۇتتۇم. ئەسلى خىزمەتتە ياخشى سىناپ كۆرۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ غەمخورلۇق قىلسام بوپتىكەن. خىزمەتتە تاۋلاپ، بايقاپ ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرمىگىنىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ؟
— ئەي ساخاۋەتلىك ئالىيلىرى، — دەپ ئۆزىنى توقشاپ سۆز ئاچتى ئايتولدى، — غەزەپ ئوتۇڭ نېمىشقا مۇنچە ئۆرلەپ تاشتى؟ بىلمىدىم، گۇناھىم نېمىكىن، سەۋەبىنى ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭ، ئەگەر گۇناھىم بولسا خاتىرە قىلماي جازالا، گۇناھىم بولمىسا نە سەۋەبتىن يۈزۈڭنى مۇنچە قارايتىسەن. ئاقىللار: خادىملار خاتالىق سادىر قىلىپ قويغان بولسا، ئۇنى چاقىرىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش لازىم. ئەگەر ھەقىقەتەن گۇناھى بولسا تۇتۇپ جازالىسۇن، گۇناھسىز بولسا دىلىنى سۆيۈندۈرسۇن دېيىشكەنغۇ؟!
— سەن نادان ئەخمەق، — دەپ ئاچچىق بىلەن سۆزلىدى ئېلىگ، — ئۆزۈڭگە قاراپ باققۇنا، مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزۈڭنى كىم چاغلاۋاتىسەن، بۇنداق گۇستاخلىق ساڭا نەدىن كەلدى؟ خىزمەت كۆرسەتمىسكەن دېسەم، تېخى قىلغان ئىشىڭنىڭ تەيىنى يوق، پايدا يەتكۈزمىسكەن دېسەم پايدائىمۇ چاغلىق. شۇنداق بولسىمۇ مەن ساڭا ئىلتىپات كۆرسەتتىم. سېنى چاقىرىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ
قىلدىم. بىراق، سەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، ئاستىڭغا توپ قويۇپ ئولتۇردۇڭ. ئويلاپ باقسۇن، توپ ئولتۇرىدىغان يەرمىدى؟ بىر ياخشى سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ كۆزۈڭنى يۇمۇۋالدىڭ، بۇنىڭغىمۇ تاقەت قىلىپ يەنە گەپ قىلسام يۈزۈڭنى ئۆرۈۋالدىڭ. بۇ زادى قانداق قىلىق؟ دانالارنىڭ: بېگىلەرگە يېقىنلاشساڭ ئۆزۈڭنى ياخشى كۆزىتىپ تۇت، دېگىنىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ ئاتا-ئاناڭمۇ ساڭا: ئوغلۇم، بېگىڭگە ئۆزۈڭنى تەك قىلما، دەپ تەربىيە قىلمىغانمۇ؟ يىگىت بېشى: بېشىڭنى ساقلايمەن دېسەڭ بېگىڭنى كەمسىتمە دېمىگەنمىدى؟ بىلىسەڭ بەگ دېگەن كۆيۈۋاتقان ئوت. ئۇنىڭغا يېقىن بارساڭ كۆيۈشۈڭ ئېنىق. بەگ ئادايمانساڭ بېشىنى ئۈزۈيدۇ، قېنىنى شورالايدۇ. شۇڭا، ئۇ ساڭا نەزەر سالسا سەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنىگىن. ئەگەر قورقىساڭ زور بىلەن قورقىتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟
ئايتولدى كۈلۈپ كەتتى ۋە بۇ قىلىقلىرىنىڭ سىرلىرىنى مۇنداق يەشتى:
— ئەي ئالىملىرى، مەن دېگەنلىرىڭنىڭ ھەممىنى چۈشەندىم. ئونداق بولسا ئەمدى مېنىڭمۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇر. مەن يۇقىرىقى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلدىم. بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭمۇ ئەلۋەتتە بىلىشىڭ كېرەك ئىدى. يۇقىرىقى قىلىقلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ مىجەز-خۇلقۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. مەن ئۆزۈمنىڭ بەخت-دۆلەت ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئورۇن بەرگىنىدە ئولتۇرمىغىنىمنىڭ سەۋەبى، تېخى مېنىڭ مۇقىم ئورنۇم يوقلۇقىنى ئۇقتۇرۇش ئىدى، ئاستىمغا توپنى قويۇپ ئولتۇرغانلىقىم، ئۆزۈمنىڭ ئوخشاشمىنى ئالىملىرىغا بىلدۈرۈش ئىدى. چۈنكى، توپ دېگەن بىر ئورۇندا مۇقىم تۇرمايدۇ، يۆمىلەپ تۇرىدۇ. مەن بەختمۇ خۇددى ئاشۇ توپقا ئوخشاش يۆمىلەپ تۇرىمەن، بىر ئىزدا تۇرمايمەن. ماڭا سۆيۈنۈپ قارىغىنىڭدا كۆزۈمنى يۇمۇۋالغىنىم، مەن ئەمالارغا ئوخشايمەن،
38
كېم ماڭا ئىلىنسە شۇنىلا تۇتىمەن، دېگەندىن بېشارەت ئىدى. قايتا سۆز ئاچقىنىڭدا مېنىمۇ يولدىكى جاۋابنى بەردىم. كۈلۈپ ئىلتەپات بىلەن باققىنىڭدا، يۈزۈمنى ئۆرۈۋالدىم، بۇ قىلىقىم ماڭا كۆپ ئىشىنىپ كەتتە، مىجەزىم تۇراقسىز، دېگەنىنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن تۈرك مۇتەپەككۇرلەرمۇ: ئەي بەختلىك ئادەم، ئۆتكۈنچى بەختتىن مەغرۇرلىنىپ كەتمىگىن. بەخت دېگەن ئاقار سۇغا، گۈزەل سۆزگە ئوخشاش تىنمەي جاھان كېزىدۇ. ئۇنىڭ قارارى يوق، ۋاپاسىمو يوق. ئايىغى تايغاق، ئىشەنچسىز، قايتىشتا ئۇچۇشىمۇ تېز، دەپ چۈشەندۈرۈشكەنگۇ. — ئەمدى چۈشەندىم، — دېدى ئېلىگ، — ئىشىڭ ئايدىڭلاشتى. گۇناھىڭنىڭ ئۆزرىسىنى ئېيتىپ ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇردۇڭ. لېكىن، ئۆكتەم تىلىڭ شۇنچە چوك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئېيتىقنا، قانداق پەزىلەتلىرىڭ بار؟
— ئالىلىرى، مېنىڭ پەزىلىتىممۇ كۆپ، — دەپ ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى تەرىپلەيدى ئايتولدى، — مېنىڭدىن پۈتۈن ئادەملەرگە نەپ تېگىدۇ. خۇيۇم مۇلايىم، يېشىممۇ كىچىك، بۈيۈكلەر ئۈچۈن كىچىكمەن. يۈزۈم كۆركەم، قولۇم تىلىگەن تيلەكلەرگە يېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانى ماڭا ئېرىشىش. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل مەشغۇللۇقى مېنى قوغلاش، ماڭا ئەگىشىشتىن ئىبارەت. مەن بار يەردە ھۇزۇر ۋە سۆيۈنۈش بولىدۇ. مەن بار يەردىن مېھنەت قاچىدۇ، قايغۇ-ئەلەم يولدىن ئازىدۇ. كىم ماڭا بويۇن سۇنسا ئۈمىدىنى تاپىدۇ، ئەگەر غادىيىدىكەن ۋەيران بولىدۇ. مېنى باسىمەن دېگەنلەر ئۆزى بېسىلىدۇ. شۇڭا باشقىلار بەخت توغرىسىدا: بەخت قەيەردە بولسا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ بويۇن ئەگكىن، قېرىشساڭ قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا بولىسەن. بەختكە يار بولساڭ كۆڭلۈڭ ساائادەت ئىچىدە ئۆتۈدۇ، ئارزۇيۇڭ قاندۇ، دېگەن.
ئېلىگ ئايتولدىغا يەنە سوئال قويدى:
— پەرىزىڭنى ئۇقتۇم، ئەمدى قانداق ئەيىبلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ باققان.
ئايتولدى جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
— ئالىملىرى، مېنىڭ ئەيىبىم يوق، لېكىن كىشىلەر ئەيىبى بار دەپ تۆھمەت قىلىشىدۇ. ئۇلار مېنى تۇراقسىزلىقىمدىن ئاغرىنىپ، يامانلاپ يۈرۈشىدۇ. ئەسلىدىن ئالغاندا تۇراقسىزلىقىم مەن ئۈچۈن ئەيىب ئەمەس، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن يېڭى نەرسىنى ئىز دەپ يۈرىمەن. چۈنكى، پۈتۈن تەم-لەززەت يېڭىدا بولىدۇ. كونا نەرسىلەردە نېمە لەززەت بولسۇن؟! كىشىلەر لەززەت ئىز دەپ مۇشەققەت چىكىشىدۇ. شۇڭا يېڭى نەرسىلەر بولسا كۆڭۈل نېمە لازىمى. سەرخىل نەرسىلەر بولسا يامان نەرسىنىڭ نېمە كېرىكى بولسۇن؟! بىر قەھرىمان شۇنداق دېگەن: «يارىتىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ئاخىرى يوقىلىدۇ، ئۇنى ياراتقۇچى نېمە قىلسا قىلىدۇ. تىرىكلىكمۇ شامالدەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا كىم يېتەلىگەن؟! شۇڭا، كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان ئۆتكۈنچى بەختكە گۈل بولغۇلۇق ئەمەس. بەخت-دۆلەت كېلىپ قايتىپ كەتەيدىغان بولسا، بۇ يورۇق كۈنمۇ قاراڭغۇلۇققا پاتماس ئىدى.» ئالىملىرى، يوقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكىم بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەر مېنى ئەيىبلىك ھېسابلايدۇ.
كۈنتۇغدى ئېلىگ مەمنۇنلۇق بىلەن يەنە سوئال سورىدى:
— تۇراقسىزلىقىڭنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلدىم، ئەمدى ئېيتىقن، ئەگەر كېتىپ قالىدىغان بولساڭ يەنە قايتىپ كېلىش ئىمكانىيىتىڭمۇ بارمۇ؟
— سۆزۈمنى كېسىپلا ئېيتسام ئالىملىرى، خۇيۇم كېيىككە ئوخشايدۇ. ئىزدىگەن تېز تاپالمايدۇ، قاچسام تۇتالمايدۇ. ئەگەر ماڭا ئېرىشكەن كىشىلەر مېنى كىشەنلەپ چىڭ تۇتۇشنى بىلمىسەلا، ھەرگىز ئۆنۈڭدىن قېچىپ كەتمەيمەن.
40
— ئۇنداق بولسا ئېيتىقن، سېنى مەھكەم تۇتۇشنىڭ گېپى نېمە؟ سەن ئېيتقان قانداق كىشەن ئۇ، — دەپ سورىدى كۈنتۇغدى ئېلىگ.
— ماڭا چىن كىشەن بولالايدىغان مۇنداق بىر قانچە ئىش بار. مەن ئۇنىڭدىن نىشانە بېرەي، — دېدى ئايتولدى، — ئالدى بىلەن ماڭا ئېرىشكۈچىنىڭ مىجەز-خۇلقى مۇلايىم، ئۆزى كەمتەر، يۇمشاق سۆزلۈك بولۇشى لازىم. ئۆزىنى ئوبدان كۆزىتىپ يۈرەلىسە، ھەددىدىن ئاشمىسا، يامان ئىشلارغا يېقىن بارمىسا بولىدۇ. ئۇ پەيلىنى بۇزمىسلىقى، مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چاچمىسلىقى، ئۆزىدىن ئۇلۇغنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى، ئۆزىدىن كىچىككە چۈچۈك سۆز قىلىشى كېرەك. كىبىر بىلەن باشقىلارنى رەنجىتمەسلىكى، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى مازاق ۋە بوزەك قىلماسلىقى، ھاراق-شارابقا ھەرگىز بېشىنى تىقماسلىقى، ھەددىدىن ئارتۇق ئويۇن-تاماشىغا بېرىلمەسلىكى لازىمدۇر. مانا شۇلار تۇراقسىز بەختكە كىشەن بولالايدۇ. ئالىملىرى، بىر شائىرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى سۆزۈمنىڭ دەلىلىدۇر:
سائادەت كىشىگە ئۆركۆگەك كىيىكتەك، ئەگەر كەلسە ساقلا چۈشەپ تېز ۋە بەك. تۇتۇشنى بىلسە دۆلەت قاچماي تۇرۇر، قېچىپ كەتسە كەلمەس يېنىپ تېز كەزەك.
كۈنتۇغدى ئېلىگ يەنە سورىدى: — ئايتولدى، پەزىلەتلىرىڭ بىلەن غەيىبلىرىڭنى تۈگەل چۈشەندىم. سېنى قاتتىق سۆيگەن ئىدىم، بىراق ئاخىرى مېنىمۇ تاشلاپ كېتىدىغان ئوخشايسەن. بۇنداق تۇراقسىزلىقىڭ بولمىغاندا ئىدى، ساڭا مۇيەسسەر بولۇش نېمىدېگەن ياخشى ئىش بولاتتى-ھە! ئەپسۇسكى، تۇراقسىز، بېۋاپاسەن. ئاتا-ئانىدىن مېھرىبان بولۇپ
ئالقىندا كۆتۈرسەڭ، كۈلۈپ ئارقا كۆرسىتسىسەڭ، ئارقىدىن يەنە ئەزەلدىن كۆرمىگەندەك يۈزۈڭنى ئۆرۈپ ئەلەم قىلسەڭ، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ-تەرمىشىپ يىغىپ توپلىغاننى بىرئاقلا چېچىپ تاشلايسەن. بۈگۈننى چاقىرىپ كېلىسەنۇ، ئەتىسى يۈزۈڭگە ئىشىك ياپىسەن.
— ئەي بەختىيار خاقانىم، — دېدى ئايتولدى جاۋابەن، — مەن پېزىلىتىم ۋە قۇسۇرۇم توغرىسىدا ئېيتتىمغۇ، ماڭا ئېرىشكەن ئادەم يەنە قولدىن چىقىرىپ قويماي دەيدىكەن، چىڭ تۇتۇشنى بىلىشى كېرەك. ماڭا يۈكەن سالالمايدىكەن، ئەلۋەتتە كېيىكتەك قاچىمەن. ئۇ چاغدا ماڭا كىممۇ يېتەلەيدۇ؟ بۇ ھەقتە ئاقىللار گۆھەردەك گەپ قىلغان: «بەخت كېلىدۇ، تۇتۇشنى بىلمىسەڭ كېتىدۇ. رىزىق بېرىدۇ، يېيىشنى بىلمىسەڭ يەنە تارتىۋالىدۇ. بەختكە ئېرىشكۈچى ئۆزىنى بەك چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئەسكى ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى، دۇرۇس، پاكىز بولۇشى لازىمدۇر. بەختنى تۇتۇشنىڭ بېغى شۇ.»
— ئايتولدى، دۇرۇس سۆزلىدىڭ، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ، — ئەمدى ئېيتىقنا، نېمە ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭ ئايتولدى دەپ ئاتالغان، مەنىسى نېمە؟
— ئەي پاراسەتلىك ئېلىگ ئالىيلىرى، — جاۋاب بەردى ئايتولدى، — مېنىڭ بەزى مىجەز-خۇلقۇم ئايغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبلىك دانالار ئېتىمنى «ئايتولدى» دەپ قويۇشقان. ئاي دەسلەپتە بەك كىچىك تۇغۇلىدۇ، كۈنسېرى چوڭىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈدۇ. ئۇ تولۇن بولۇپ تۈننى يورۇتقاندا جاھان ئەھلى ئۇنىڭدىن يورۇقلۇق ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىچىكلەپ تولغان ھۈسنىدىن كېتىدۇ، يورۇقىمۇ ئاز-ئازدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. قايتا تۇغۇلۇپ يەنە تولۇن بولىدۇ. مېنىڭ خۇيۇممۇ ئايغا ئوخشايدۇ، بەزىدە پەيدا بولسام، بەزىدە يوقىلىپ كېتىمەن. مەن تولغاندا ھەر قانچە كۆرۈمسىز ئادەمنىڭ يۈزىگە باقسام، ئۇنىڭ
چىرايى نۇرلنىپ كېتىدۇ. ئۇ بېيىپ شۆھرىتى ئېشىپ، يەنە ھەددىدىن ئاشقاندا ئۇنىگدىن يىراقلىشـــــــــمەن-دە، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىمۇ تۈگەيدۇ، توپلىغان مال-دۇنياسىمۇ توزۇپ، تەقى-تۇرىقى بۇرۇنقى ئەھۋالغا قايتىدۇ. ئالىلىرى، يەنە بىر مەننى ئېيتاي، ئاي ساراتان بۇرۇجىدا بولغاچقا ئۇنىڭ ئورنى چۆرگىلەپ، ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «ئۆيى» يۆتكىلپ تۇرغاچقا، ھەر قانچە قىلسىمۇ ئاخىرى مۇقىم تۇيمسىز، ئورۇنسىز قالىدۇ. ئۇ بىر ئۆيگە كىرىدۇ، تېزلا قايتىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئالدىراپ ياتقان ئورنىنىمۇ بۇزۇۋېتىدۇ. مېنىڭ ئادىتىممۇ ئايغا ئوخشاش، بەزىدە ئېگىزدە، بەزىدە تۆۋەندە، بەزىدە كېلىمەن، بەزىدە كېتىمەن. تېز يۈرۈپ دۇنيانى كېزىمەن، تۇراقلىق ئورنۇم يوق. مېنىڭ ماھىيىتىم شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبلىك دانىشمەنلەر ئىسمىمنى مەنلىك قىلىپ «ئايتولدى» دەپ ئاتاشقان.
ئالىلىرى، مەن ئۆزۈمدە بار بولغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسنى تولۇقى بىلەن ئېيتىپ بەردىم. سۆزلىرىمگە ئىشەنگەن بولساڭ، ئەمدى مېنى مەھكەم تۇتامسەن، قاچۇرۇپ قولۇڭدىن بېرىپ قويامسەن، بۇنى ئۆزۈڭ تاللا.
— ئەي ئەزىز سەردار، سۆزلىرىڭ دىلىمنى يورۇتتى. سەندەك بىر كىشىنى ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتىم، ئارزۇيۇمغا يەتتىم، ئاللاغا شۈكۈر، — دېدى كۈنتۇغدى مەمنۇنىيەت بىلەن.
ئايتولدى بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى مەنىلىك سۆھبەتتىن كېيىن، كۈنتۇغدى ئۆزىنىڭ ئايتولدىغا بولغان ئىشەنچى ئاشتى، ئۇنىگغا نۇرغۇن مال-دۇنيا ۋە ئالتۇن-كۈمۈش ھەديە قىلدى. كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايدىغان بولدى. ئايتولدى ئەقىللىق پىداكارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى.
43