كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەتنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغانلىقى
كۈنتۇغدى ئېلىگ بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىكىش ھېس قىلدى ۋە ئوردىنى خالى قىلىپ، ئايتولدىنى ھۇزۇرىغا چاقىرتتى. ئايتولدى خان ھۇزۇرىغا كىرىپ ئېلىگ ئالدىدا قولىنى قوۋۇشتۇرۇپ تۆرە تۇردى. كۈنتۇغدى ئېلىگ زوۋان سۈرمەي بىر مەھەل ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆزى بىلەن ئايتولدىنى ئولتۇرۇشقا ئىما قىلدى. ئايتولدى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ يەرگە قاراپ جىمىجىت ئولتۇردى. ئۇ يوشۇرۇنچە يەر تېگىدىن قاراپ ئېلىگنى كۆزىتۈۋىدى، ئىنتايىن سۈرلۈك ۋە دەھشەتلىك ئالامەتلەرنى بايقايدى: كۈنتۇغدى ئۈچ پۇتلىق سېرىق كۈمۈش تەختتە تېرى تۆشەلگەن، قاش-قاپاقلىرى چۈشكەن ھالدا ئولتۇراتتى. قولىدا بولسا يوغان بىر خەنجەر تۇتۇقلۇق ئىدى، ئوڭ يېنىغا شەكىر قويۇلغان، سول يېنىدا زەھەر تولدۇرۇلغان قاچا تۇراتتى. بۇ ئالامەتلەرنى يەر تېگىدىن كۆزىتىپ تۇرغان ئايتولدىنىڭ دەمى كېسىلىپ، ۋۇجۇدىنى ۋەھىمە باستى.
— مېنىڭ يالغۇز ئولتۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن گاچىدەك گەپ قىلماي ئولتۇرۇسەن؟ قېنى گەپ قىلغىن، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ بىر ئازادىن كېيىن.
— ئەي ساھىبقىران، — دەپ سۆز ئاچتى ئايتولدى تەشۋىش ئىچىدە بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، — مەندە ھازىر سۆزلىگۈدەك مادار قالمىدى. بۈگۈن ئالەيلىرىدە ئاجايىپ سىرلىق بىر ھالەتنى
كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. بۇ ھال مېنى ئەيىندۈرۈپ، تىلىمنى كېسىشكە مەجبۇر قىلدى. چۈنكى دانىشمەنلەرنىڭ: «بەگلەر غەزەپلەنگەندە يېقىن بارما» دېگەن ساۋىقى يادىمدا. ئۇلار يەنە: «بەگلەر غەزەپلەنگەندە ئوت بىلەن زەھەرگە ئوخشايدۇ، بۇ چاغدا ئۆزۈڭنى نېرى تۇتمىساڭ زىيان-زەخمەتكە يولۇقۇسەن. بەگلەر غەزەپلەنگەندە ئارسلانغا ئوخشايدۇ، ھەزەر قىلمىساڭ بېشىڭ كېتىدۇ» دېيىشكەن.
— خوش، ئىجازەت بەردىم. قېنى قانداق سۆزلىرىڭ بولسا ماڭا ئېيتىۋەرگىن، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ.
— ئالىيلىرى، — دېدى سەل جانلانغان ئايتولدى، — مېنى ھەق تەئالانىڭ بۈگۈن ئۈچ پۇتى چېتىقسىز كۈمۈش كۆرستە ئولتۇرۇپسەن، بۇنداق كۆرستە ئولتۇرۇش ئالىيلىرىغا مۇناسىپ كەلمەيتتى. يەنە بىرى، قولۇڭدا خەنجەر تۇتۇۋاپسەن، قارىسام ئوڭ يېنىڭدا شېكەر، سول يېنىڭدا زەھەر تولدۇرۇلغان قاچا تۇرۇپتۇ. بۇنىڭ نېمە سىرى باردۇر؟ يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتايىن غەزەپلىك ئولتۇرۇپسەن، مەن بۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ تەشۋىشلىنىپ، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويدۇم. شۇڭا گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدىم، ئالىيلىرى.
— ئەي ئايتولدى، سۆزلىرىڭنى چۈشەندىم، — دېدى ئېلىگ، — ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سال. بۇ ئىشلارنىڭ مەنىسنى چۈشەندۈرەي. ئالدىنقى كۈنى مەن سېنى يېنىمغا چاقىرەتتىم. ھۆرمىتىڭنى قىلىپ ئورۇن بەردىم. بىراق، سەن تاشقى قىلىقلىرىڭ بىلەن مېنى تېرىكتۈردۈڭ، ئاچچىقلانساممۇ پەرۋا قىلمىدىڭ. بۇنىڭغىمۇ چىداپ تۇرسام يۈزۈڭنى ئۆرۈۋالدىڭ. كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ مەنىسنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئارىمىزدىكى تۈگۈن يېشىلگەن ئىدى. بۈگۈن ساڭا كۆرسەتكەن قىلىقلىرىممۇ ئۆزۈمنىڭ ئوخشىشىنى ساڭا بىلدۈرۈشتۇر. ئەمدى گىپىمگە قۇلاق سالغىن: مەن دېگەن ئادالەت
ۋە قانۇن. قانۇننىڭ ئالاەىدىلىكىنى بۇ ئالامەتلەردىن كۆرسەن. مەنمەن ئولتۇرغان بۇ كۇرس ئۈچ پۇتلۇق. بىلىگىنكى، ئۈچ پۇتلۇق نەرسىلەر قىڭغايمايدۇ، ئۈچ پۇتى تۈز ھەم مەھكەم تۇرىدۇ. ئەگەر ئۈچ پۇتنىڭ بىرى قىڭغىيىپ كەتسە، يەنە ئىككى پۇتنىمۇ قىڭغىيىپ ئولتۇرغان ئادەم يىقىلىدۇ. ھەر قانداق ئۈچ ئاياغلىق نەرسىلەر توغرا، تۈز تۇرىدۇ. ئەگەر تۆت پۇت بولۇپ كەتسە چوقۇم بىرى ئەگرى بولىدۇ. تۈز نەرسىلەر ئۆز بولىدۇ، ئۆز نەرسىلەر تۈز بولىدۇ. ئېگىلكەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەگرى بولىدۇ. ئەگرىلىك دېگەن يامانلىقنىڭ ئۇرۇقى، مېنىڭ ئادىتىم ئېگىلمەستۇر. دۇرۇس نەرسىلەر ئېگىلىدىغان بولسا قىيامەتنىڭ قائىم بولغانلىقى شۇ. مەن ئىشلارنى ئادىللىق بىلەن بىجىرىمەن، كىشىلەرنى يوقىرى، تۆۋەن دەپ ھەرگىز ئايرىمايمەن. قولۇمدىكى بۇ خەنجەر كېسىش قورالدۇر. مەنمۇ ئالدىمغا ئادالەت تەلەپ كەلگەنلەرنىڭ ئىشىنى پىچاقتاك كېسىپ-كېسىپ قىلىپ بېرىمەن، ئۇلارنى ھەرگىز ساقلاتمايمەن. زۇلۇم چەككەن بىرى ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئالدىمغا كىرسە، چىرايى ئېچىلىپ، شېكەر يېگەندەك لەززەت بىلەن قايتىدۇ، ئوڭ يېنىمدا تۇرغان شېكەرنىڭ مەنىسى شۇ. سول يېنىمدا قويۇلغان زەھەر شۇنداق ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمدىن ئۇلار زەھەر ئىچكەندەك بولىدۇ. بەشرەمنىڭ تۇتۇلۇشى، قاپىقىمنىڭ تۈرۈلۈشى زۇلۇم قىلغۇچى زوراۋانغا بولغان يۈزسىزلىكىمنىڭ، رەھىمسىزلىكىمنىڭ ئىپادىسى. ھۆكۈم ۋاقتىدا ھەرگىزمۇ ئىككى خىيال بولمايمەن. چۈنكى، قانۇن ئالدىدا ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم بولسۇن، يولۇچى، مۇساپىر بولسۇن، مېھمىنىم بولسۇن ھەممىسى باراۋەر. دۆلەتنىڭ ئاساسى ئادالەت. بەگلەر ئادىل بولسا ئاندىن ھاياتلىق بولىدۇ. ئاقىل كىشىلەر شۇنداق دېگەن: «دۆلەتنىڭ ئۆلى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئادالەت يولى — بەگلىكنىڭ ئاساسى. شۇڭا، قانۇننىڭ توغرىلىقى بولغان بەگ ئادالەت بىلەن ئەلگە ھۆكۈمرانلىق قىلسا،
46
ئاندىن تىلەك-ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ.»
ئايتولدى كۈنتۇغدى ئەلىكتىن سورىدى: — ئەي بەختلىك ئەلىگ، ئېتىڭ نېمە ئۈچۈن «كۈنتۇغدى» دەپ قويۇلدى؟
كۈنتۇغدى ئەلىگ شۇنداق جاۋاب بەردى: — ئالىملار مېنىڭ ئادەتلىرىمنى كۈنگە ئوخشىتىپ ماڭا «كۈنتۇغدى» دەپ ئات قويغان. بىرىنچىدىن، كۈن دائىم تولۇپ تۇرىدۇ، كىچىكلەپ كەتمەيدۇ، يورۇقىمۇ ئازلاپ قالمايدۇ. مېنىڭ ئادىتىممۇ كۈنگە ئوخشاش ئادالەت بىلەن پارلاپ تۇرىدۇ، ھەرگىز ئوكسۇپ قالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، قۇياش كۆتۈرۈلسە پۈتۈن جاھاننى بىردەك يورۇتىدۇ، پارچە جانلىقلار ئۇنىڭدىن نۇر ئالىدۇ، لېكىن نۇرى ئازلاپ قالمايدۇ. مېنىڭمۇ قانونىيىتىم شۇنداق، بارچە ئاۋام ئۈچۈن ئادالەت نۇرىمنى تەڭشى چاچىمەن، لېكىن يوقىلىپ كەتمەيمەن. ئۈچىنچىدىن، كۈن چىققاندا زېمىن ئىسسىيدۇ، تۈمەن مىڭ خىل گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىپ، زېمىن يۈزىنى گۈلىستانلىققا ئايلاندۇرىدۇ. مېنىڭ قانۇنۇممۇ شۇنداق، قايسى ئەلگە يېتىپ بارسا، ئۇ ئەل ھەر قانچە قورام تاشلىق بولسىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. كۈننىڭ يەنە بىر ئادىتى شۇكى، ئۇ پاكىز ۋە مەينەت دەپ ئايرىماي، ھەممىگە ئوخشاش يورۇقلۇق بېرىدۇ. مېنىڭ ئادىتىممۇ ئوخشاش. مەندىن ھەممىگە بىردەك ئۈلۈش تېگىدۇ. قۇياش دېگەن ئارسلان بۇرۇجىدا بولىدۇ. بۇ بۇرۇج تەۋرەنمەيدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ، ئاساسى مۇستەھكەم بولغاچقا ئۆزىمۇ بۇزۇلماستۇر. مېنىڭ قىلىقىم، تورقۇممۇ شۇنداق. ئورنۇم مۇستەھكەم، يورۇقۇم تۈگىمەستۇر.
— ئەي ئادالەت ساھىبى، سەلتەنەت شۆھرىتىڭ جاھانغا يېيىلسۇن، — دەپ ھاياجاندا سۆز ئاچتى ئايتولدى، — مەنۇ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، سەپەر مۇشەققەتلىرىنى تارتىپ، سېنى سېغىنىپ كەلگەن ئىدىم. ئاشۇنداق پەزىلەتلىرىڭ بولغانلىقى
ئۈچۈن خىزمىتىڭدە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئەمدى كۆڭلۈم تىندى. ئالىيلىرى ئېيتسۇن، مەن ساڭا قانداق خىزمەتلەرنى قىلىپ بېرىشىم كېرەك. ئالىيلىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش قايسىكىن، قىلغان خىزمەت بەگنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا، قانچە مۇشەققەت چەككەن بىلەنمۇ ئېتىبارغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت قىلىپ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەن دانلىق ئەمىلى خادىمى شۇنداق دېگەن: «خادىم بولغان كىشى بەگ ئىشىغا بەل باغلىغان بولسا، بەگنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. بەگ رازى بولسا ئاندىن بەخت ئىشىكى ئېچىلىدۇ. ئۆز خىزمىتىنى بىلىپ قىلالىغان خادىمنىڭ ئورنى تۆردە بولىدۇ، خىزمىتىنى بىلىپ قىلالىمىسا تۆردىن پەگاغا چۈشىدۇ. خىزمەت بىلەن بېگىنى سۆيۈندۈرگەندە قولىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆسىدۇ.»
— سۆزلىرىڭنى چۈشەندىم، — دېدى كۈنتۇغدى ئەمىلى، — مەن ساڭا ئۆزۈم ياقىتۇرمايدىغان يارامسىز ئىشلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قوياي. مەن ئۆچ كۆرىدىغان ئەڭ ياراماس ئىشنىڭ بىرى يالغانچىلىق بىلەن كاززاپلىق. ئۇنىڭدىن قالسا، ئاچ كۆزلۈك، تەمەخورلۇق، ئالدىراڭغۇلۇق، نومۇسسىزلىق، تېرىككە كېلىك، ئاچچىقى يامانلىق، قولى ئەگرىلىك، مەيخورلۇق قاتارلىق ئىشلار ماڭا قەتئىي يارىمايدۇ. مەن ئۈچۈن ياراملىق خىزمەت قىلىمەن دەيدىكەنسەن، يۇقىرىقى يامانلىقلاردىن يىراق ياشا، شۇندىلا ماڭا يېقىن تۇرالايسەن ۋە قەدىرلىشىمگە مۇيەسسەر بولالايسەن.
— ئالىيلىرى، بۇلارنى چۈشەندىم، — دېدى ئايتولدى، — سورىۋالىدىغان يەنە بىر ئىش بار ئىدى، بۇنىمۇ ئېيتىپ بەرسەڭ بولساق، ياخشىلىق دېگەن نېمە، ئۇ قايسى خىلدا بولىدۇ، ياخشىلىقنىڭ تەبىئىتى قانداق بولىدۇ؟
— ھەقىقىي ياخشىلىقنىڭ تەبىئىتى شۇنداق بولىدۇكى، —
48
دېدى ئىلىگ، — ئۆز ئەھلى ۋە خەلقىگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈدۇ، لېكىن مىننەت قىلمايدۇ. ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن چوغ تارتماي، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ، لېكىن يەتكۈزگەن نەپى ئۈچۈن بەدەل كۆزلىمەيدۇ.
ھەي، ئەل سۆيگەن دانا يىگىت، ئەل خىزمىتىنى قىلماقچى بولساڭ، پۈتۈن سۆز-ھەرىكىتىڭ بىلەن خەلقىگە ياخشىلىق يولىنى تۇت. ھاياتلىق خۇددى چۈشكە ئوخشايدۇ. يىگىتلىكىڭ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھايات شامىمۇ تېزلا ئۆچۈپ تۈگەيدۇ. ھاياتىڭنىڭ سەرمايىسى ياخشىلىق يولىدۇر. ئو، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى غىزا ۋە لىباستۇر. شۇڭا ياخشى كىشىلەر: ماڭغان، تۇرغان جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. كۆردۈڭمۇ، بۇ جاھانغا تۆرەلگەن قانداق ئەركەك بولسۇن، ئۇ بەگ ياكى قۇل بولسۇن، ياخشى ياكى يامان بولسۇن بىرئازلا ياشايدى-دە، ئاخىرى ئۆلدى، ئۇنىڭ نام-نىشانىلا قالدى. ئەمدى بۇ نۆۋەت ساڭىمۇ كېلىدۇ. شۇڭا، ئەڭ بۇرۇن ياخشىلىقنى تاللا، ئادەم ئاخىرى ئۆلۈپ ئورنى يەرلىك بولىدۇ. ياخشىلىق بىلەن ئۆتسەڭ نامىڭ مەڭگۈ خاتىرلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئىككىلا ئاتاش بولىدۇ: بىرى، ياخشى نام، يەنە بىرى، يامان نام. ياخشىلار ماختىلىدۇ، يامانلار سۆكۈلىدۇ. نېمە ئۈچۈن زەھھاك① سۆكۈلدى، فەرىدۇن② ماختىلىپ بەختكە ئېرىشتى؟ بىرى ياخشى ئىدى، ئۇنى ماختىدى. بىرى ئەسكى ئىدى، ئۇنى قاغىدى. سەن قايسىنى خۇپ كۆرسەڭ، ماختىلىشىڭمۇ ياكى تىل-ھاقارەتلىنىشمۇ؟ قايسىنى تاللاش ئۆز ئىرادىڭدە، لېكىن كېيىن ئۆكۈنمەيدىغان بولساڭلا بولدى. ئەل-يۇرتنىڭ ئىشنى بىلىدىغان بىر تەجرىبىلىك كىشى: ئادەم ياخشى نام بىلەن ئالقىش تاپار، يامان نام بىلەن ئۆلگۈنچە قارغىش.
① زەھھاك — ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پېشدادىيان سۇلالىسىنىڭ 5. پادىشاھى. ئۇ ئۆز زۇلۇملىقى بىلەن داڭق چىقارغان. ② فەرىدۇن — ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پېشدادىيان سۇلالىسىنىڭ 6. پادىشاھى. ئۇ مال-دۇنياسىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكى بىلەن ياخشى نام قالدۇرغان.
ياغار، دېگەنىدى.
مەن يامانلىق بىلەن ياشىغانلارنى كۆپ كۆرۈپ سىنىدىم، ئولارنىك ئىشى ھەرگىز ئىلگىرى باسمىدى، كوكلى ئۆتكىنى سېرى كۈچىدىنمۇ قالدى. يامانلىق خۇددى ئوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ ئۆزۈنى ھەم ئۆزگىنى تەك كۆيدۈرىدۇ. يامانلىق سېنىك يولۇڭدىكى توزاقكى، ئۆتۈشكە ھەرگىز يول تاپالمايسەن.
كۆرۈۋاتىسەن، بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەردىن جاھان سورىغان بەگلەر ۋە ئاۋام-پۇقرا بولسۇن، ئولارنىك قايسىسى بىلىم ئىگىسى بولغان بولسا، شۇ زاماننىك ئىگىسى بولۇپ ئۆتتى. جاھان بەگلىرىدىن قايسىسى بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن بولسا، ياخشى قانۇن تۈزۈپ، دۇنيانىك ساھىبى بولدى. تۈرك تارىخىدا ئۆتكەن بەگلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار جاھان بەگلەر ئىچىدە ئەڭ سەركىلىرى ئىدى. نامى تېخىمۇ مەشھۇر بولغىنى تۇڭا ئالپ ئەر①. ئۇ ئىنتايىن بىلىملىك، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ياراملىق، جەسۇر، خەلقنىك ياراملىق باھادىر ئوغلانى ئىدى. ئۇ شۇنداق زېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن جاھان سوراپ تىللاردا داستان بولدى. تاجىكلار ئۇنى ئەفراسىياپ دەپ ئاتايدۇ. مانا شۇ ئەفراسىياپ كۆپ ئەللەرنى تەسەررۇپ ئاستىغا كىرگۈزگەن ئىدى. جاھان سوراش ئۈچۈن مانا شۇنداق پەزىلەت، ئەقىل ۋە بىلىم كېرەك، شۇندىلا جاھان سوراشقا قول سۇنسا بولىدۇ. تاجىك ئالىملىرى ئەفراسىياپ ھەققىدە ئۆز كىتابلىرىدا كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان، بولمىسا بۇ تارىختىن قانداق ۋاقىپ بولالايتتۇق؟!
بۈگۈنمۇ شۇنداق، كىمكى ياخشىلىق بىلەن نام قازانغان بولسا ياخشىلارغا شولار باش بولىدۇ. كىم بىلىمگە يېقىن، ئاقىل خاقان بولسا، ئۇ بىلىملىكلەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتىدۇ. چۈنكى، ئۆ…
قىلىۋاتقان ئىشنى بىلىپ قىلىدۇ، ئەقلىنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەقىل بېيىيدۇ. ئەقىلنىڭ بايلىقى ئۆزى ئۈچۈنمۇ مۇستەھكەم قورغان بولىدۇ. ئۆلۈشنى ئويلىيالمىغانلار ھاياتلىقنىڭ نىشانىنى كىتابقا پۈتۈپ قويۇشتى. بۈگۈن ئۇنى كىم ئوقۇسا ئۇلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ. ئۇنىڭ ھېكمىتى بىلەن ئۇلار ياخشىلىق يولىغا ماڭىدۇ.
ھەي ئوغۇل، ياخشىلىقنىڭ يەنە بىر دەسمايىسى تىلدۇر، گۈزەللىكمۇ تىل بىلەن. تۈركچە بىر مەسەلدە شۇنداق دېگەن: «ئەقىل كۆرۈكى تىلدۇر، بۇ تىل كۆرۈكى سۆز. كىشى كۆرۈكى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆرۈكى كۆز.» بىلگىنكى، ئىنسان مەقسىتىنى تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ، تىلى ياخشى بولسا يۈزى يورۇق بولىدۇ.
— تولۇق چۈشەندىم ئالىيلىرى، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلكىنىڭ ياخشىلىق ھەققىدىكى تەپسىلىي بايانىنى ئاڭلىغان ئايتولدى، — يەنە بىر سوئالىم بار، دۇرۇسلۇق دېگەن قانداق بولىدۇ، دۇرۇسلۇق يولى قايسى؟ ھاياتنى توغرىلىق، دۇرۇسلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ خاسيىتى نېمە؟ قانداق قىلغاندا دۇرۇسلۇقنىڭ ئۆلىنى پۇختا قۇرغىلى بولىدۇ؟
— ھەقىقىي، دۇرۇس ئەر كى، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلك، — ئۇنىڭ تىلى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى بىر دەك بولىدۇ. دۇرۇس ئادەم ئەل ئارىسىدا يۈرىكىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ئۇياتماي يۈرەلەيدۇ. دۇرۇسلۇق ھەقىقىي ئادەملىكنىڭ بەلگىسى، ئۇ ھەم بەختنىڭ ئۆلى. دۇنيادا ئادەم ئاز ئەمەس، ئادەملىك ئاز، ئىنسان ئاز ئەمەس، دۇرۇسلۇق ئاز. شۇڭا بىر شائىر مۇنداق دېگەن:
مېڭىپ يۈرگەن ئىنسان بەكمۇ كۆپ ئەرۇر، دۇرۇس، چىن، پۈتۈن ئەر ماڭا قەھەت ئەرۇر.
51
كىشى قىس ئەمەستۇر، كىشىلىك قىس يول، دۇرۇس، چىن كىشى ئۇ، تولا ماختىلۇر.
— ئالىيلىرى، ئەمدى ماڭا مۇنۇ ئىشنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرگەن بولساڭ، — دېدى ئايتولدى ئېلىگنىڭ ئالدىغا تېخىمۇ نازۇك سوئال تاشلاپ، — ياخشى ئادەمنىڭ يامانغا ئۆزگىرىپ كېتىشى، يامان ئادەملەرنىڭ ياخشىلىق ئىزىنى بېسىشى مۇمكىنمۇ؟
كۈنتۇغدى ئېلىگ بۇ سوئالنىڭ تۈگۈنىنى مۇنداق يەشتى:
— ياخشى ئادەم ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىر خىلى ئانىدىن تۇغۇلۇشىدىنلا ياخشى بولۇپ تۇغۇلىدۇ، شۇنداق ئادەم ئۆمۈر بويى دۇرۇسلۇق بىلەن ياشايدۇ. يەنە بىر خىلى ياخشىلارنى دوراپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىپ ياخشى يولغا كىرىدۇ. شۇنداق كىشىلەر يامانغا ئارىلىشىپ قالسا، يامان يولغا كىرىپ كېتىدۇ. يامان ئادەممۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى تۇغما يامان ئادەم، شۇنداق ئادەمنىڭ كىرىنى ئۆلۈمگىچە ئېرىتقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر خىلى باشقىلارنى دورىماق بىلەن يامان يولغا كىرىپ قالغانلار. بۇ كىشىلەر ياخشىلارغا قوشۇلسا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. تۇغما ياخشى ئادەمدىن ئەلگە نۇسرەت ياغىدۇ، تۇغما ياماندىن ئەلگە ئاپەت ياغىدۇ. شۇنداق ئادەمنى تۈزەيدىغان داۋا يوق. بۇ مەنىدە بىر تۈرك ماقالىدا مۇنداق يېزىلگەن: «ئاق سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، ئۆلۈم كەلمىگۈچە ئۆزگەرمەس.» شۇڭا، ياخشى كىشىلەر يامان كىشىلەرگە ھەمراھ بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىمۇ يامانلىققا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر يامانلار ياخشىلارغا قاتىلسا، ياخشىلىق ئۈچۈن چىراققا ئېگە بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەبمۇ بار. ياخشى بىلەن ياماننى ياراشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ ياخشىلىق ئىزىغا سالغىلى بولىدۇ. بەگلەر ياخشى بولسا، پۈتۈن ئاۋامنىڭ قىلىقلىرى تۈز، يۈرۈشلىرىمۇ ئەدەپلىك بولىدۇ. بەگ
ئۆزىگە ياخشىلارنى يېقىن تۇتسا، يامانلارمۇ ئىشنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بەگلەر يامانلارغا يېقىن بولىدىكەن، يامانلارنىڭ كۈنى تۇغىدۇ. يامانلار باش كۆتۈرىدىكەن ياخشىلارغا كۈن يوق. بەگلەر يامانلىق يولىنى تۇتمىسىلا يامانلارنىڭ يۈزى ھەرگىز كۈلمەيدۇ. بەگنىڭ ياخشىلىقى بىلەن يامانلار تۈزىلىدۇ، ئەل بېيىپ، جاھان گۈللىنىدۇ.
— چۈشەندىم ئالىبلىرى، سۆزنىڭ توغرىسىنى ئېيتتىڭ، — دېدى ئايتولدى سوئالنى داۋاملاشتۇرۇپ، — ياخشى كىشىلەرنى ھەممە ئادەم ياخشى دەپ قەدىرلەيدىكەن ھەم ياخشىلارنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىراق ياخشىلىققا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
— ياخشىلىق — ئەڭ ئېسىل پەزىلەتنىڭ ئېتى. ئۇنى ئېسىل ئادەملەرلا ئارزۇ قىلىدۇ. دۇنيادا نېمە ئېسىل بولسا ئۇ قىممەتلىك بولىدۇ. قىممەتلىك ئېسىل نەرسىگە كۆپ مۇشەققەت چەكمىگىچە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئەڭ قەدىرسىز نەرسە يامانلىق، شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنى خارلىق توپىسىدۇر. ياخشىلىق يۇقىرى ئۆرلىگەندەك مۇشكۇل، يامانلىق تۆۋەن چۈشكەندەك ئاساندۇر.
— ئەي بەختلىك ئالىبلىرى، ياخشىلىقنىڭ نامى شۇنچىلىك ئەزىزلىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىللار بايقايالمايدىغان، تىلغا ئالغۇچىلىك بىرەر قۇسۇرىمۇ بارمۇ؟ — دەپ سورىدى ئايتولدى يەنە.
— ياخشى مەڭگۈ ماختاشقا سازاۋەردۇر، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ، — لېكىن، يامانلار ئارىسىدا ياخشىلىق ئەيىب سانىلىدۇ. بىلگىنكى، كىشى بىلەن كىشى ھامان بىر-بىرى بىلەن يېقىنلىق قىلىشىدۇ، يامانلار بولمىسا، ياخشىلارغا ئىش بولماس ئىدى. ياخشىلار ئارىسىدا يامانلىق ھەر دائىم پەس كۆرۈنىدۇ، ھاقارەتلىنىدۇ. شۇڭا، يامانلار ياخشىلارغا قەست قىلىپ، ئۇلارغا كۈن بەرمەسلىكنى ئويلايدۇ. ياخشىلار بار يەردە يامانغا كۈن يوق ئەمەسمۇ؟! شۇڭا، ياخشىلىق ئۆزىدىن ھاياتىنى ياخشىلىققا
دە سمايە قىلىشى، ەە رگىز بۈگۈنلۈك خوشاللىقى ئۈچۈن پە سلىككە بېرىلمە سلىكى لازىم. بۈگۈن سېنى ھوزورلاندۇرۇپ، ياخشىدەك تۇيۇلۇيدىغان نەرسىلەر ئاقىۋەت ساڭا خارلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۈگۈن سېنى جاپادا قويۇپ، ياماندەك كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئە تتە سېنى ھوزۇرغا چۆمدۈرۈشى مۇمكىن. بۈنى شۇنداق پەھىم قىلالايمىزكى، ياخشىلىق ئۆك بولسا، يامانلىق سولدۇر. جەننەت ئوقدا، جەھەننەم سولدۇردۇر. ئەي ئايتولدى، بۇ ھەقىقەتنى بىلىۋالغىن.
دۇرۇس، توغرا ئەرلەر ياخشىلارغا ئەقىدە قىلىپ، شۇنداق دېگەن: «ئەي ياخشى كىشى، بىرەرسى سېنى خارلىسا مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، مانا مەن سېنى ئىززەتلەيمەن. ياخشىلارغا دۇنيادا كىممۇ تويۇنغان؟! ماڭا كەلگىن، مەن ساڭا ئاچ.» يەنە بىر شائىرمۇ: ياخشىلىق قىلغۇچى، ياخشىلىق ئۈچۈن ھەرگىز ئۆكۈنمە، ئۆكۈنۈيدىغىنى يامانلىق قىلغۇچى. يامانلارغا مۇمكىن قەدەر ياخشىلىق قىل، ئۇلار يامانلىق قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. يامانلار ياخشى دەپ ماختىغاننى يامان دەپ بىلگۈلۈك، يامان دەپ قارىلىغاننى بولسا ياخشى بىلىپ ئۆزۈڭگە تارتغۇلۇق. مانا بۇ مېنىڭ ساڭا بېرىدىغان جاۋابىم.
ئايتولدى كۈنتۇغدى ئەلىكنىڭ ھەقىقەت، پاراسەت، ئادالەت ئۇرغۇپ تۇرغان دانا جاۋابىنى ئاڭلاپ باش ئۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
— ئەي ياخشى قانۇننىڭ ساھىبى، كۈچ-قۇدرەتنىڭ دۇنيانى ئىگىلىدى. ئۆمرۈك ئۇزۇن بولسۇن، بەگلىك سەلتىنەتىڭ بۇزۇلمىسۇن، ياخشىلىق ھوزۇرۇڭدا بېشىڭ ئامان بولسۇن. تولۇغلۇقۇڭ بىلەن كۆپ ئەللەردە پاناھى بول. بەگلىكىڭنىڭ ئۆلى قۇدرەت-كامالەتنىڭ بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم بولسۇن. بارلىق خوشاللىق ئالىيلىرىڭغا مۇجەسسەم بولسۇن، دۈشمەنلىرىڭ ئەلەم ئىچىدە قان قۇسۇپ ئۆلسۇن. ئارزۇلىرىڭ قۇرۇماس
ئېقىندەك ئۆزۈلمەي ئېقىپ تۇرسۇن. بەخت، دۆلەت مەڭگۈ قېرىماس سادىق خادىمدەك ئىشىك ئالدىدا مەڭگۈ توقسۇمىسۇن. تالېيلىرى، سېنىڭ ھوزۇرۇڭدا خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. ھالال خىزمەت بىلەن بەخت تاپقان كىشىلەرمۇ: «خىزمەت قىلساڭ ئەقىدەڭنى بىلگىدەك خانىنىڭ خىزمىتىنى قىل، سېخىلارنىڭ خىزمىتىدە بول. بېخىللار ئۈچۈن ئۆلگۈچە خىزمەت قىلساڭمۇ ھەرگىز ياخشى بولالمايسەن. بېخىل ئۆزىنىڭ مېلىدىن ئۆزى قىزغىنىدىغان تۇرسا، قاچان كىشىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ باققان؟!» دېيىشكەن.
* * *
ئايتولدى كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن بولغان بۇ ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ شۇنداق بەجاندىل خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭ ھەقىقىي كۆيۈنۈپ قىلغان قۇسۇرسىز ئىشىدىن كۈنتۇغدى ئەلىگ ئىنتايىن رازى ئىدى. ئۇ ئايتولدىنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قالدى. شۇ تەرىقىدە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئايتولدى يەنىلا ئۆتۈقلۇق خىزمەتلىرى بىلەن يۈزىنى يورۇق قىلماقتا ئىدى.