تىزىملىك
تىل تاللاش:
1-قىسىم 5-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئايتولدى (ۋەزىر)

ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىككە تىلنىڭ پەزىلىتى ۋە زىيىنىنى بايان قىلغانلىقى

Aytoldining Kuntoghdi Iligke Tilning Peziliti we Ziyinini Bayan Qilghanliqi

بىر كۈنى، كۈنتۇغدى ئەلىگ ئايتولدىنى چاقىرتىپ كىردى ۋە ئادىتى بويىچە ئىشارەت بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى ئاستا كېلىپ زوۋان سۈرمەي يەرگە قاراپ ئولتۇردى. — ئايتولدى، قېنى...

ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئەلىگكە تىلىنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرىنى، سۆزنىڭ پايدىسى بىلەن زىيىنىنى بايان قىلغانلىقى

بىر كۈنى، كۈنتۇغدى ئەلىگ ئايتولدىنى چاقىرتىپ كىردى ۋە ئادىتى بويىچە ئىشارەت بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى ئاستا كېلىپ زوۋان سۈرمەي يەرگە قاراپ ئولتۇردى. — ئايتولدى، قېنى گەپ قىلمامسەن؟ — دېدى كۈنتۇغدى ئەلىگ ئاريدىكى جىملىقنى بۇزۇپ، — نېمە بولدۇڭ، نېمىشقا شۈك ئولتۇرۇسەن؟ — ئەي بەگلە رنىك بېگى، — دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى، — «قۇل بەگىنىڭ يۈزىنى كۆرگەندە تىلى ئۆچەر» دېگەن گەپ بار. ئالىيلىرى ئىجازەت بەرمەي تۇرۇپ سۆزلەش نېمە ھەددىم. گەپ سورالماستىن ئاۋۋال قانداقمۇ سۆز ئاچاي. بىلىملىك كىشىلەر: «سورالماستىن ئاۋۋال سۆزلىمە، كىم چاقىرغان بولسا شۇ ئاۋۋال سۆزلىسۇن. كىم گەپ سورالماي تۇرۇپلا سۆزگە كىرىشسە ئۇنى ھايۋان دېسە بولىدۇ» دېيىشكەن. ئېسەنلىكنى تىلىگەن ئادەم تىلىنى مەھكەم تۇتۇشى كېرەك، بولمىسا بۇ قىزىل تىل ئۆمۈرنى كالتە قىلىدۇ. قىزىل تىل قارا باشنىڭ دۈشمىنى، ئۇ كۆپلىگەن باشلارنى يېدى، يەنە يەيدۇ. باشنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن تىلىنى ئوبدان كۆزىتىش لازىم، ئالىيلىرى.

— سۆزلىرىڭنى تولۇق ئۇقتۇم، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ، — تىرىك ئادەم سۆزلىمەي مۈمكىنمۇ، پەقەت مۇنداق ئىككى ئادەم سۆزلىيەلمەيدۇ. بىرى گاچا، يەنە بىرى بىلىمسىز. گاپنىڭ تىلى يوق، سۆزلىيەلمەيدۇ، ناداننىڭ تىلى سۆز ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا، نادان تىلغا ھاكىم بولۇشى، بىلىملىك سۆزگە ئەركىن بولۇشى لازىم. بىلىملىك ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ئاقار بۇلاققا ئوخشاش كېمەيىپ كەتمەيدۇ. يەرگە سۇ قويسا نېمەتلەر ئۆنگەنگە ئوخشاش بىلىملىكلەرنىڭ سۆزى ھاياتقا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىمسىز، نادان كىشىنىڭ كۆڭلى خۇددى قۇم باسقان دالادەك دەريا كىرسىمۇ تولمايدۇ، گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ.

— ئالىيلىرى، ئۆزۈڭگە ئايان، — دېدى ئايتولدى جاۋابەن، — يامان سۆز باشنىڭ دۈشمىنى. راست، تىرىكلىكتە ئادەم لازىم تېپىلغاندا سۆزلىمەيمۇ بولمايدۇ. بىراق، سورالغاندىلا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەن ياخشى، سورالمىسا ئېغىز ئاچماسلىق كېرەك. سورىمىغانلىقنى ئەركەك دېسەك، ئۇنى چۈشىنىپ جايىدا جاۋاب بېرىشنى چىشى دېسەك بولىدۇ. چىشىغا بىر ئەركەك قوشۇلغاندىن كېيىن ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.

— چۈشەندىم، سۆزلىرىڭ توغرا، — دېدى ئېلىگ، — ئەگەر ئىنسان يېڭىلىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ سۆزلىمىسە، كۆڭلىدىكى نۇرغۇن پايدىلىق سۆزلەر ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ. ئېيتقىنا، ئۇنداق بولسا تىلنىڭ پايدىسى نېمە؟

— ئەگەر تىلىم سۆزلەشنى بىلسىلا پايدا كۆپ، — دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى، — بىلىنگىكى، تىل — بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ تەرجىمانىدۇر. روشەن تىل كىشىنى يورۇتقۇچىدۇر. ئادەم تىلنىڭ خاسىيىتى بىلەن قەدر-قىممەتكە ۋە بەختكە ئېرىشىدۇ. تۇغۇلغان ئۆلۈپ كېتىدۇ، ياخشى سۆزنىڭ خاسىيىتىدىن مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدۇ. ئەنە ئىككى ئىشنىڭ خاسىيىتىدىن مەڭگۈ قېرىمايدۇ. بىرى، ياخشى ئەمەل، يەنە بىرى، ياخشى سۆز. كۆرمىدىڭمۇ،

كۆپلىگەن ئىنسانلار تۇغۇلۇپ بۇ دۇنيادىن ئۆتتى. پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا ياخشى نامى بىلەن ياخشى سۆزى مەڭگۈلۈك بولۇپ قالدى. مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى تىلىگەن ئادەم خوي-پەيلى بىلەن سۆزىنى دۇرۇس قىلىشى لازىم. جايىدا ئېيتىلغان سۆز قولنىمۇ يۈكسەلدۈرىدۇ. سۆزنىڭ خاسىيىتىدىن بوز يەردىكى ئادەم يېشىل كۆككە ئۆرلەپ، تۆرگە چىقالايدۇ. ئەگەر تىل ئورۇنلۇق سۆزلىشى بىلمىسە، كۆكتىكى كىشىنى يەرگە ئورىدۇ. نادان ئادەملەر ئۆيدەك يەپ ئوتسىلا شۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ، مەنىسىز سۆزگە گول بولۇپ ئۆزىنى سەمىرىتىدۇ. بىلىم ئىگىلىرى بولسا جېنىنى سەمىرىتىپ، تېنىنى جۇدۇتىدۇ. تەننىڭ تەلىپى قىلىدىغىنى ئېغىزدىن كىرىدۇ، جان تەلىپى قىلىدىغان سۆز قۇلاقتىن كىرىدۇ. بىلىملىك ئادەمنىڭ ئىككى مۇھىم بەلگىسى بار. ئۇلار بىرى تىلغا، يەنە بىرى گالغا ھاكىم. بۇ ئىككىسى ياخشى باشقۇرۇلسا پايدىسى دەريادەك بولىدۇ. بەگلىرگە دەل ئاشۇنداق تىلى بىلەن گېلىغا ھاكىم بولالايدىغان ئادەملەر كېرەك.

— سوئالىمغا پاراسەت بىلەن جاۋاب بەردىڭ. ئەمدى ماڭا يامان سۆزنىڭ نېمىلىكى، ئۇنىڭ نېمە زىيىنى بارلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن، — دېدى كۈنتۇغدى ئەلىگ.

— بىلىمسىز، نادان ئادەملەرنىڭ قۇرۇق گېپى ئەڭ يامان ۋە زىيانلىق. بۇنداق سۆز شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. ئادەم يامان تىلنىڭ كاساپىتىدىن خارلىققا يولۇقۇدۇ. تىل بوسۇغىدا ياتقان ئارسلاندۇركى، ھەزەر قىلمىسا باشنى يەيدۇ. تىلنىڭ ئېتتىكلىكىدىن ھەرەج تارتقان بىر ئەر مۇنداق دېگەن: «تىلىم ماڭا شۇنداق كۈلپەتلەرنى سالدىكى، ئەمدى بېشىم كەتەمەستە تىلىمنى كېسەي.» بۇ سۆزدىن ئىبرەت ئېلىپ، باش كەتەمەستە سۆزگە دىققەت قىلىش، چىش سونماستا تىلغا ھاكىم بولۇش كېرەك. ئېھتىياتچان ئادەم تىلىدىن ھەرگىز يارامسىز سۆزلەرنى چىقارماسلىقى لازىم. بىلىپ سۆزلەنگەن سۆز بىلىم ھېسابلىنىدۇ،

58

بىلىمسىزنىڭ سۆزى ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدۇ.

— سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم، ھەي بىلىمدار، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ، — ئەمدى ئېيتىقن، سۆزنىڭ ئەسلى ئورنى نەدە، ئۇ نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ، سۆز قەيەردىن چىقىپ نەگە بارىدۇ، بىلىملىك ھېكىملەر نېمىنى دېيىش، نېمىنى دېمەسلىك ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەن؟ بۇ توغرىدا سۆزلەپ باققان.

— ئالىيلىرى، سۆزنىڭ ئورنى تېخى سىر، — دېدى ئايتولدى، — سۆز ئون بولسا، سۆزلىشىكە لازىملىقى بىر، توققۇزى ياسالما سۆزدۇر. ياسالما سۆز تېگىدىن بەتبۇي بولىدۇ. شۇڭا، سۆز سانى ئون بولسا دېيىلىدىغىنى بىر بولۇشى لازىم. ئەڭ ياخشىسى كۆپ سۆزلىمەسلىك، تۆمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىر سۆز بىلەن يېشىش كېرەك. كۆپ سۆزلىسە «مەمەدان» دېيىدۇ، سۆزلىمىسە گاچا ئاتىلىدۇ. گەپ قىلماقچى بولغان ئادەم سۆزنى پاساھەتلىك قىلىشى، نادان قارىغۇلار ئۈچۈن كۆز بولۇشى لازىم.

كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىدىن يەنە سورىدى:

— سۆزنىڭ كۆپ-ئازلىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ بۇنى ماڭا ئوچۇق ئېيت.

— سورالغاندا ئورۇنلۇق جاۋاب بېرىش ئاز سۆز ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنسىز سۆزلەپ كۆڭۈلنى غەش قىلىش كۆپ سۆز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كۆپ ئاڭلاپ، ئازراق سۆزلىگۈلۈك. سۆزلەش توغرا كەلگەندە ئەقىل بىلەن ئورۇنلۇق سۆزلەلسە كۆپ ھېسابلانمايدۇ، — دېدى ئايتولدى.

— يەنە بىر سۆزۈم بار، مەندىن يوشۇرماي ئېيتىقن، — دەپ سورىدى ئىلىگ، — سۆزنى قانداق ئادەملەردىن ئاڭلاش، قانداق ئادەملەرگە دېيىش زۆرۈر؟

— بىلىم ئەھلىلىرىدىن ئاڭلاپ، بىلىمسىزلەرگە دېيىش، چوڭلاردىن لازىملىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كىچىكلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئادەم كۆپ سۆزلىشى بىلەن ئالىم بولالمايدۇ، كۆپ ئاڭلاش

59

بىلەن بىلىم تورىگە چىقىدۇ. ئادەم كېكەچ بولسىمۇ بىلىم ئالالايدۇ، ئەمما پاك بولسا بىلىمگە قولى يېتىمەيدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى.

— ئۇنداق بولسا سۆزلىمەسلىك خوپمۇ ياكى سۆزلەشمۇ، كۆڭۈلدىكىنى دېيىش كېرەكمۇ، يوشۇرۇشمۇ؟ — دەپ سورىدى ئىلىگ.

— ھەي ئىلىم ئىگىسى، — دېدى ئايتولدى، — تىل سۆزلىمىسە بىلىمنى جايدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. تىلنىڭ ماختىلىدىغان تەرەپلىرىمۇ، سۆكۈلىدىغان تەرەپلىرىمۇ بار. مىدىرلاپ تۇرغان جانلىقلارنىڭ ھەممىسى خۇداغا تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئىنسان پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان تەڭرىنى تىلى بىلەن مەدھىيىلەيدۇ. ۋۇجۇدى بار كىشىگە تىل بىلەن كۆڭۈل لازىم. كۆڭۈل بىلەن تىل دۇرۇس سۆز ئۈچۈن يارىتىلغان. دۇرۇس سۆزلەنسە دائىم ماختىلىدۇ. ئەگەر سۆز ئەگرى بولسا ئۆزىمۇ ئوتتا پۇچىلىنىدۇ. شۇڭا، تىل ئورۇنلۇق سۆز ئۈچۈن تۇرسۇن، سۆز ئەگرى بولسا تىلنى يوشۇرۇش دۇرۇس.

ئايتولدىنىڭ پاراسەت بىلەن تولغان يۇقىرىقى جاۋابلىرىنى ئاڭلىغان كۈنتۇغدى ئىلىگ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ كۆككە تىكىلىپ، ئۇلۇغ ئاللاھقا مىڭ قېتىم شۈكۈر ئېيتتى. شۇنداق ياراملىق ئادەمنى ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئالار قىلدى.

كۈنتۇغدى ئىلىگ ئاللاھقا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن خەزىنىنى ئېچىپ، يوقسۇللارغا نۇرغۇن پۇل-مال تارقاتتى. ئايتولدىنى تېخىمۇ ئەزىزلەپ، قولى بىلەن ئېھسان قىلسا، تىلى بىلەن ماختايتتى. ئۇنىڭغا دۆلەتمەنلىك ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى بېرىپ، ئوردا تامغىسىنى قولىغا تۇتقۇزدى. يەنە ئايتولدىغا تۇغ، ناغرا ۋە ساۋۇتلارنى بېرىپ، ئەلدە قولىنى ئۇزۇن قىلدى. دانىشمەنلەرمۇ ئۇنىڭغا بويۇن ئېگىشكە مەجبۇر بولدى.

60

ئايتولدى بۇ ئىقبال دەۋرىنى غەنىمەت بىلىپ ، پۈتۈن ئىشقا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. خەلق بېيىپ ، دۆلەت قۇدرەت تاپتى . قانۇن-تۈزۈم تېخىمۇ روناق تېپىپ ، ئەل كۈندىن-كۈنگە گۈللەندى. شەھەر قۇرۇلۇشىمۇ كېڭىيىپ ، بازارلار ئاۋاتلاشتى ، خەزىنە ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى. ئېلىگىمۇ خېلى ئارام تېپىپ قالدى. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى جاھانغا تارقىلىشقا باشلىدى. لېكىن، بىر خۇشاللىقنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر خاپىلىق بار دېگەندەك، كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆزى ۋە ئېلى ئۈچۈن زور يوقىتىشنىڭ ماراپ تۇرغانلىقىنى نەدىن ئۇقسۇن؟!

ئاۋازلىق كىتاب
5-باب: ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىككە تىلنىڭ پەزىلىتى ۋە زىيىنىنى بايان قىلغانلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--