ئودغۇرمىشنىڭ ۋاپاتى
ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى ئودغۇرمىشنىڭ كېسەللىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن كېلىپ، ئىشىكتە تۇرۇپ ئىجازەت سورىدى. ئىشىكنى ئودغۇرمىشنىڭ مۇرىتى قۇمارۇ چىقىپ ئاچتى. ئۇ كۆزلىرى ياشلىق ھالدا ئۆگدۈلمىشكە سالام قىلدى ۋە ئۇنىڭغا:
— ھەي قاياش، ئاللا سەۋر بەرسۇن، كۆڭلۈڭنى بوزما. قېرىندىشىڭ بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئاللا ساڭا خاتىرجەملىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇن. سەن ئەمدى ئۆزۈڭنى تۇتۇپ سەۋر قىل، پەرياد چېكمە. تىرىكلەر ئۈچۈن ئۆلۈشتىن باشقا يول يوق. تۇغۇلغان ئېكەن ئۆلۈش بار، شېرىن جاندىن جۇدا بولۇش بار. بەگ بولسۇن، قول بولسۇن، پەيغەمبەر بولسۇن بۇ تەقدىردىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئۆلۈم بىزنىڭ بېشىمىزدىمۇ بار، بۇنىڭغا ئامالمۇ، توسۇۋالغىلى قۇرالمۇ يوق، — دەپ تەسەللى بەردى.
ئۆگدۈلمىش بۇ كۆڭۈلسىز خەۋەرنى ئاڭلاپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئاچچىق تولغىناتتى. قېرىندىشى بىلەن ئاخىرقى قېتىم دىدارلىشالمىغانلىقى، ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىگەنلىكى، ئۆلگەن چېغىدا بېشىدا بولالمىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايماندا پۇچىلىناتتى.
قۇمارۇ ئۆگدۈلمىشنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئازابلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تەربىيە خۇسۇستا تەسەللى بېرەتتى:
— ھەي دىلكەش، ئونداق قىلما، خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە دىلىڭ ۋە تىلىڭدىن رازى بول. ھەممىمىزگە بۇ ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغان كۈنى بار. قېرىندىشىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. بىزىمۇ بۇ ئۆلۈمگە تەييار تۇرۇشىمىز لازىم. سېنى بىركىم ئۆردىمۇ، تىللىدىمۇ، نېمە زىيان تارتتىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنچە يىغا-زار قىلىسەن؟! ئاللا ئۆزى ئۇنىڭغا روھى راۋاننى بەرگەنەيدى، يەنە قايتۇرۇپ ئالدى، جان چىقىپ مەڭگۈلۈك دەرگاھىغا قايتتى، ئۇ قايتىپ كەلمەيدۇ. بىز بولساق ئۇ ياققا بارىمىز.
قۇمارۇ ئۆكدۈلمىشنى ئودغۇرمىشنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى: — يۆر، قېرىندىشىڭنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈپ، زىيارەت قىلىپ يانغىن، — دېدى ئۇ.
ئۆكدۈلمىش قۇمارۇنىڭ ھەمراھلىقىدا ئودغۇرمىشنىڭ قەبرىسى بېشىغا باردى. ئۇ تۇپا دۆۋىلەنگەن ئاددىي قەبرىنى كۆرۈپ، ئۇنى قۇچاقلاپ كۆز يېشى قۇرۇغىچە يىغلىدى: ھەي قېرىندىشىم، تۇرۇپ ماڭا بىر قارىغىن، يۈزۈڭنى بىر كۆرۈۋالاي، ھەسرىتىم بېسىلسۇن. سېنى سېغىنىپ، كۆرگۈم كەلدى. نېمىشقا مەندىن دىدارىڭنى يوشۇرۇسەن؟! ھەي قەلبىمنىڭ تاج-تەختى، شېرىن جېنىمنىڭ مادارى، سېنسىز ماڭا بۇ تىرىكلىكنىڭ نېمە مەنىسى؟! مەن چۈشۈمدە سېنىڭ مەندىن يىراقلىشىپ كۆزۈمدىن غايىب بولغىنىڭنى كۆرگەندىم، مانا ئەمدى ئەسرەپ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ دىدارلىشۋالاي دەپ كەلگەندىم. سەن مېنى ھەسرەتتە قويۇپ بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن كۆچۈپ كېتىپسەن. مەن سېنىڭ روھىڭغا روھ قاتىدىغان
نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىۋالاي دېگەن. ھەي مېھرىبان قېرىندىشىم، سېنىڭ دىدارىڭنى كۆرۈشكەمۇ قادىر بولالمىدىم، قانداق قىلاي! ئۆگدۈلمىش ناھايىتى ئاچچىق يىغلىدى، كۆڭلىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېدى. ئاخىرىدا ئۇ ئۆدغۇرمىشقا ئاللاھتىن ئۇ دۇنيادىكى خاتىرجەملىك ۋە جەننەتۇل پىردەۋسنى ئاتا قىلىشنى تىلەپ، يەنە ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. قۇمارۇ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە:
— ھەي مېھرىبان كىشى، قېرىندىشىڭ بۇنداق ئۆزۈڭنى قورۇپ يىغلىشىڭنى خالىمايدۇ. روھىڭنى چۆشۈرۈپ چۆشكۈن ھالغا چۆشۈپ قالساڭ، قېرىندىشىڭنىڭ روھىنى ئازابلاپ قويىسەن. سەن ئۇنى دۇئايىڭدا ئۇنتۇمىساڭلا قېرىنداشلىق ھەققىنى ئۆتىگەن بولىسەن. يۈر، مەن بىلەن ماڭ، مەن ساڭا قېرىندىشىڭنىڭ ساڭا قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسىنى تاپشۇرۇپ بېرەي، — دېدى قۇمارۇ. ئۇ ئۆگدۈلمىشنى ئۆدغۇرمىشنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باشلاپ كىردى.
— مانا بۇ قېرىندىشىڭدىن ساڭا قالغان تەۋەررۈك مىراس، — دېدى قۇمارۇ بىر قولىدا ئۆدغۇرمىش ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن ئۆركىنى، يەنە بىر قولىدا ئۆدغۇرمىشنىڭ ھاسىسىنى تۇتۇپ ئۆگدۈلمىشكە تەڭلەپ تۇرۇپ، — بۇ سەن ئۈچۈن ئىبرەت بولسۇن. ئۇنىڭ بار-يوق بىساتى موشۇلا ئىدى، مانا موشۇنىمۇ بۇ دۇنياغا قويۇپ كەتتى.
ئۆگدۈلمىش قۇمارۇنىڭ قولىدىن ئۆركىنى بىلەن ھاسىنى ئېلىپ كۆزلىرىگە سۈرتۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆدغۇرمىشنىڭ تەۋەررۈكىنى ئېلىپ، كۆزلىرى ياشلىق، دىلى ئازابلىق ھالدا ھەسرەتنى يۈتۈپ قايتىپ كەتتى.
ئۆگدۈلمىش ئۆدغۇرمىشقا ماتەم تۇتۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر قانچە كۈنگىچە ئوردىغا چىقمىدى. ئۆيدىن سىرتىمۇ چىقماي ئاشسىز، تائامسىز كۈن بويى ئېيتىكاپتا ئولتۇردى. ئۇ
كۆپ گەپ-سۆزمۇ قىلمايتتى.
* * *
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆدغۇرمىشنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۆگدۈلمىشنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، سارايدىن چىقىپ ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ چىن دىلىدىن ئۆدغۇرمىش ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى ۋە كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق بىلەن ئۆگدۈلمىشكە:
— ئەي ئۆگدۈلمىش ئەقىللىق ئىشلەت. ئىشىكىڭنى تاقاپ يۆلىنى ئۆزۈپسەن. يۈزۈڭنى يوشۇرۇپ گەپ-سۆزمۇ قىلمايۋاتىسەن. بۇنداق قىلىش ساڭا ياراشمايدۇ، ئەقىللىق ئادەم بۇنداق يول تۇتمايدۇ. ماڭا ئېيتىقنا، ساڭا بىرەرسى زۇلۇم قىلدىمۇ، ئاچچىق قىلدىمۇ ياكى ئۆچمەنلىك قىلىۋاتامدۇ؟ قېرىندىشىڭنىڭ ۋاپاتى ئاللانىڭ ھۆكمى، ياراتقۇچى ئۆزىنىڭ قازاسىنى يۈرگۈزدى. سەن بۇنداق قاتتىق ھەسرەتنى توختات. نېمىگە شۇنچە پەرياد چېكىپ يىغلىغۇلۇق؟! بۇ قىلىق ساڭا مۇناسىپ ئەمەس، ئۆزۈڭنى بېسىۋال. قانۇنىيەت شۇكى، تۇغۇلغان ئۆلىدۇ، ئۆرۈلگەن چۈشىدۇ، يورۇغان ئۆچىدۇ، يۈرگەنلەر تىنىدۇ، بەرگەنلەر بەھرىنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ. ئۆدغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمى ساڭا ئىبرەت بولسۇن. سەۋر قىل، سەۋرنىڭ ساۋابى شېكەر بىلەن قەنتتىنمۇ پايدىلىقتۇر. سەن ئۇنىڭغا دۇئا بىلەن ياردەم قىلساڭ قېرىنداشلىقىڭنى يەتكۈزگەن بولىسەن. قېرىندىشىڭغا خۇدا ئۆزى رەھمەت قىلسۇن، ئۇنىڭ گۇناھلىرى بولسا كەچۈرسۇن. تەڭرىم بۇ مۇسىبىتىڭنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن. ئاللانىڭ رازىلىقىغا مۇيەسسەر بول، دوزاختىن ئامان قال. ئەي ئۆگدۈلمىش، ئۆلۈمنى كۆرۈپ تۇرغۇچى تىرىكلەر ئەسلى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك ئىدى. قېنى ئىبرەت ئالغانلار؟ ئۆلۈمگە
تۇتقۇن بولغانلار ئۆلۈش ئالدىدا مۇنداق نەسىھەت قىلغان: «ماڭا قارا، مېنى ئۆلۈم تۇتتى، كېتىدىغان بولدۇم. ئارقامدىن سەنۇ بارسەن.» ئەھمەد بىر شائىر ئېيتقان بۇ بېيتنى ئاڭلا ۋە كۆڭلۈڭدە ساقلا:
سېنىڭدىن بۇرۇن مىڭ ئۆلگۈچىلەر، «ماڭا باق، ماڭا» دەپ ساڭا پەند بېرەر. يۈرۈپ غەپلەت ئىچەرە ئويۇنۇم تولا، ئۆلۈم تۇتتى كەتتىم، ساڭىمۇ كېلەر.
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئودغۇرمىشقا قىلغان تەزىيىسى ۋە ئۆگدۈلمىشكە بەرگەن سەمىمىي تەسەللى سۆزلىرىدىن كېيىن، ئۆگدۈلمىشتىن ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى سورىدى.
ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئىلىگكە ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى ئىشلار ۋە قۇمارۇدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا ۋەسىيەت قالدۇرغانلىقىنى ئېيتقاچ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئودغۇرمىشتىن قالغان قىممەتلىك تەۋەررۈك ھاسا بىلەن ئۆرىقنى ئېلىپ كېلىپ ئىلىگنىڭ ئالدىغا قويدى:
— قېرىندىشىمدىن ماڭا قالغان بايلىق ۋە مىراس مانا مۇشۇ. ئالىيلىرى، بۇ تەۋەررۈكتىن بىرنى ئەستىلىك ئۈچۈن سەن ئالغىن. بۈگۈن قۇت تاتقاي، تاڭلا ئەسقاتقاي، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
— بۇ تەۋەررۈك ماڭا قۇت ئاتسۇن، — دېدى ئىلىگ ھاسىنى ئېلىپ، — ئۆرىقنى سەن ئالغىن. بۇنى كۆرگەندە قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىنى كۆرگەندەك بولارسەن.
ئۆگدۈلمىشنىڭ ئورنىنى قولىغا ئېلىپ كۆڭلى بوزۇلدى، ياشلىرى يەنە سىرغىپ چۈشتى. ئېلىگ ئۆگدۈلمىشكە يەنە تەسەللى بەردى:
— قارىساڭ، بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ئىبرەت. ئويلاپ كۆرسەڭ ئاقىللار ئۈچۈن مۇشنىڭ ئۆزى يېتەرلىكمۇ؟! ئو بۇ دۇنيادىن خالاس بولۇپ ئاشۇنداق ياشىدى، مانا ئاخىرى بۇ دۇنيا ئۆزىدىنمۇ قالدى. ئۆز قىلىقلىق پاراسەت ئىگىلىرى شۇڭا: بۇ دۇنيادا ئېرىشكىنىڭ ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ قوشۇقلۇق قىلمايدۇ، ھەر قانچە ئاز بولسىمۇ يەنىلا ئۆز لايىقىدا يېتىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ پەزىلىتى بىر، قۇسۇرى مىڭدۇر. ئادەم ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزسە، شۇنداق ئۆتۈۋېرىدۇ، دېيىشكەن. ئۆلىدىغان جانغا ئارتۇق بايلىقنىڭ نېمە لازىمى، ئۇنى ئۆزۈڭدىن كېيىنكىلەر يەپ راھەتنى كۆرىدىغان ئىكەنغۇ؟! قېرىندىشىڭ بۇ دۇنيانىڭ مال-دۇنياسىنى تەرك ئېتىپ، ماتا-جەندە كىيىپ، ئارپا ئېشىنى يېيىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈپ ياشىدى، بىراق يەنىلا ئۆلۈپ قالمىدى، كېيىنكى تەييارلاپ، يەپ قاچارلارغىمۇ ھېچ نەرسە قالدۇرمىدى. تۈن ۋە كۈن ئاشۇنداق تىرىشىپ بويىنىدىكى يۈكنى يەڭگىللىتىپ، دۇنيانىڭ مۇشەققەتنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇردى. ئو شۇنداق تىرىشىپ مەڭگۈلۈك ئىشنى پۈتتۈرۈپ، بۇ جاپاكار دۇنيادىن قۇتۇلدى. بىزنىڭ قەلبىمىزدە تۈگۈنلەر تۈگۈنچە يېشىلمەي قېلىۋەردى.
ئېلىگ شۇنداق سەمىمىي ياخشى نەسىھەتلەر بىلەن ئۆگدۈلمىشكە تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭمۇ ئىچ-قارنىنى بوشىتىۋالدى. ئو ئۆگدۈلمىشنىڭ قېشىدىن قايتىپ چىقىپ، قەسىرگە كېلىپ چۈشتى ۋە غەمكىن ھالدا ئۆيىگە كىردى.
* * *
ئۆگدۈلمىش نەچچە كۈنلۈك قايغۇلۇق ماتەم كۈنلىرىنى
ھەسرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى قايغۇ-ئەلەملىرىنى تۈگەتتى، قاپىقمۇ ئېچىلدى. ئۇ بارا-بارا ئەلەملىك كۈنلىرىنى ئۇنتۇشقا، يەپ-ئىچىپ خۇشال كۈلۈشكە باشلىدى. خەلقنىڭ ئىشلىرىنى ئىلىم-بىلىم بىلەن بېجىرىدىغان ئەل باشلىقلىرىدىن بىرى مۇنداق ياخشى ئېيتقان: قايغۇ-ئەلەم سېنى قانچىلىك ئەسىر قىلسۇن، كۆزۈڭ قانچىلىك يىغلىسۇن بەربىر يەنە كۈلىدىغان ۋاقتىمۇ بولىدۇ. بۇ جاھاننىڭ قانۇنى ئەزەلدىن شۇنداق، ياخشى-يامان ئىشلار نەچچە يىللار تۇرسىمۇ ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ.
مانا شۇنداق قىلىپ، ئۆگدۈلمىش ماتەم تۈنلىرىنى تۈگىتىپ، خىزمەت كۈنلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇ ئۆز ئىشىنى ھەرسەمەنلىك بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەشكە باشلىدى.
بىر كۈنى ئەتىگىنى كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا چاقىرتتى. ئۇنىڭدىن خەلقنىڭ ئەھۋالى، ئەل-يۇرتنىڭ كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ باقماق بولدى. ئىلىگ ئۆگدۈلمىشتىن:
— ئەلنىڭ ھالى قانداقراق، يۇرتنىڭ ھالىچۇ؟ زامان ۋە كۈنلەر قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ — دەپ سورىدى.
— ئەي ئىلىگ، خەلقنىڭ ھال-كۈنى سېنىڭ ھەققىڭگە دۇئا قىلغىدەك ياخشى، قانۇن توغرا، ئادىل يۈرگۈزۈلۈپ، ئەل خاتىرجەملىككە ئېرىشتى. زورۇۋانلار ئەدەپ يەپ ياۋاشلاشتى. بايلار كۆپىيىپ، نامراتلار ئازايدى. مەن كۆڭلۈمنى توختاتتىم، پۈتۈن ئەقىل-ئىدرىكىم ۋە ۋۇجۇدۇم بىلەن ئەلنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا بەل باغلىدىم.
— ئۆگدۈلمىش، سەندىن كۈتىدىغىنىم، سەن ماڭا كۆز-قۇلاق بولۇپ، جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن مېنى ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرغىن، ئوردىدا بېكىنىپ قالما. بىر قانچە كۈن مۇناسىبەت بىلەن قولۇڭمۇ ئىشقا بارمىدى. ئەمدى كۆڭلۈڭنى توختىتىپ، مېنىڭ يۈكۈمنى يەڭگىللەتكىن، — دېدى ئىلىگ.
كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتمەكتە. كۈنتۇغدى ئېلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش تىرىشچانلىق ۋە مۇشەققەت بەدىلىگە ئېلىگە ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئىككى گىگانت رەھبەر ئۆزئارا سىرداشىپ، دۆلەت ئىشلىرى ۋە ھاياتلىق ھەققىدە دائىم كېڭىشەتتى. بۈگۈن ھەر ئىككى بۈيۈك زاتنىڭ كۆڭلى ئازادە، روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا سىرداشماقتا ئىدى.
— ئەي ئۆگدۈلمىش، ئەقىل ئىنسان پائالىيىتىنىڭ يول باشچىسى، ياخشى-يامانلىقنىڭ تارازىسى. شۇنداقتا ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئەقىلنىڭ كۈشەندىسى نىمە؟ — دەپ سورىدى ئېلىگ.
— ئالىملىرى، دۇرۇس ئېيتتۇق، ئەقىل ۋۇجۇدنىڭ قوماندانى، ۋۇجۇد ھەۋىسى ئەقىلنىڭ دۈشمىنى، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — ئۇنىڭ ئەڭ ئەشەددىي كۈشەندىسى — تىل، بوغۇز، كۆز ۋە شەھۋەت ھەۋەستۇر. بۇلار ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ تائەت-ئىبادىتىگە توسقۇن بولىدۇ. شۇڭا نەپسىگە ھاكىم بولسا، قورۇق گەپ قىلىشتىن ساقلانسا، يارىمىماس ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتسا، ھاۋايى-ھەۋەسكە يول بەرمىسە، شۇنداق كىشىنى ئەقىللىق، بىلىملىك، تەمكىن كىشى دېسە بولىدۇ. ئەقىللىق كىشىنىڭ سۆزلىرى ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر توغرا، تۈز، ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ، يارامسىز ئىشلارغا يېقىن بارمايدۇ، مەنىسىز نەرسىلەرگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ.
— بۇ سۆزلەرنى ياخشى سۆزلىدىڭ، — دېدى ئېلىگ، — ماڭا بەك پايدىلىق سۆزلەرنى قىلدىڭ. ئەمدى دەپ باققانە، ۋۇجۇدنى بەك سۆكسەڭ، ئۇنىڭ يامانلىقى نەدە؟
— ئىنسان بالىسى بۇ ئالەمگە تۆرەلگەندىن بېرى ۋۇجۇد ئېزىقۇ، ئەقىل تىزگىن بولۇپ بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى مەيداندا تۇرۇپ كېلىشتى. ئادەم نەپەس ئالاستىن جەننەت مېۋىسىنى يەپ قويۇپ، ئەقىلگە خىيانەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋۇجۇد ئەقىل بىلەن قارىشلاشتى. ئەقىل تىزگىنى بولمىسا نەپەس بالاسى ئادەمنى ھەر كويغا سالىدۇ، ئۇنىڭ قىلمىشى جاپا مېۋىسىدۇر. جاپاغا جاپا بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش كېرەك. ۋۇجۇد خاھىشىنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ، قانچىلىك ياخشىلىق قىلغانسېرى ئۇ قۇتراپ، شۇنچىلىك يامانلىق قىلىدۇ. سەركىل كىشىلەر بۇنى بىلىپ: كىمگە ۋاپادارلىق كۆرسەتكەن بولساک، ئۇنىك ۋاپاسىزلىقىغا تەييار بول. ۋاپا ئورنىغا بىر كۈنى جاپا تېپىغۇچى بول. كىمگە ياخشىلىق قىلۇكنى سونغان بولساک ھەزەر قىلگى، ئۇنىك ساكا يامانلىق قولىنى ئۇزىتىپ نادامەت چەكتۈرۈشدى گەپ يوق، دەپ توغرا ئېيتقان. ئەي ئىلىگ، ئۇلارنىڭ تەۋسىيەلىرىنى جاپاكار ۋۇجۇد ئۈچۈن ئەمەلىي قىلساک بولىدۇ.
ھەي ئىلىگ، مونو ئۈچ مەخلۇقنى سەمىرتىش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىرى، ئوۋ ئىتى، يەنە بىرى، ئوۋ قۇشى، ئۈچىنچىسى ۋۇجۇدنېك گۆشى. قورسىقى توق، ئېتى سېمىز ئىت ئوۋنى قوۋلىمايدۇ. ئوۋ قۇشى داندىن قىمسىلمىسا ئوۋ تۇتمايدۇ. نەپىسنىڭ مەيلىگە قويۇپ ۋۇجۇدنى تويدۇرۇپ ۋە قاندۇرۇپ باقسا، ئو بوغرا تۆگىدەك قۇترايدۇ، ياخشىلىقنى تاشلاپ، يامانلىققا ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئىتنىڭ ئوۋغا يۈگۈرمىسىغۇ بىر سوھەرگە زىيان بولار، قوشۇك ئوۋلىمىسا قولدىن كەتكىنى بىر ئۆردەكلا. بىراق نەپىسنىڭ بوغرا تۆگىدەك بويىننى ئېگىز كۆتۈرسە، سېنى ئوتقا ئىتتىرىپ ئازابقا ئىگىرىتىدۇ. شۇڭا، ئىشنىڭ يولى شۇكى، ئۇلار سېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلىشتىن بۇرۇن سەن ئۇلارنى ئاچ قويۇپ موھتاجلىقتا تۇت. ئاندىن ئۇلار بويىننى ئېگىپ، دېگەن
يولۇڭغا ماڭىدۇ. يوقسۇل كەمبەغەللەرنىڭ خاتىرجەم، ھۇزۇرلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆر. ئۇلار بارغا قانائەت قىلغان كۆڭلى باي كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ قورسىقى تويسا، ئۇچىسىغا كىيىم بولسىلا خاتىرجەم ئىبادىتىنى قىلىپ، ئىشلىرىنى جاي-جايىدا بېجىرىپ ئۆتۈۋېرىدۇ. ئەمەل-مەنسەپ، ئۇلۇغلۇق، ھەددىدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە بەخت كىشىنى تەكەببۇرلۇققا ئۈندەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلەردىن مەھرۇم قىلىدۇ. تەكەببۇرلۇق بەندىنى تەڭرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئەقىللىق كىشى ھەرگىزمۇ مۇنداق يولدا ماڭمايدۇ. كەمبەغەلمۇ ئۆلىدۇ، بايمۇ ئۆلۈپ ئىككى بۆز بىلەن قارا يەر قوينىغا كىرىدۇ. كەمبەغەل ئۆلسە مۇشەققەتتىن خالاس تاپىدۇ، باي ئۆلسە مال-مۈلكى قالىدۇ، ئۆزى بولسا ئېغىر يۈك بىلەن كېتىدۇ. بۇ سۆزگە مىسالەن مۇنداق بىر سۆز ئېيتىلغان: ئەي نېمەت ئىگىسى، ئۆلۈم سېنىڭ مېھمىنىڭدۇر. ئەي مېھنەت ئىگىسى، ئۆلۈم سېنىڭ نېمىتىڭدۇر. ئەي كەمبەغەل، ئۆلۈم سېنى مۇشەققەتتىن قۇتۇلدۇردى. ئەي باي، ھېساب بېرىشكە ھازىرلان، ئۆلۈم ياقاڭدىن تۇتتى. ئالىملىرى، بۇ سۆزدىن تېگىشلىك ئۈلۈش ئالغۇلۇق.
كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆزىگە ئويلاپ:
— ئەي ئۆگدۈلمىش، بۇ دۇنيانىڭ ئىچى يىلان-چايانلار بىلەن تولغانىكەن. يېگىدەك ئېشى ئاز، زەھىرى كۆپ، ماختىغۇچىلىقى يوق، سۆكۈلىدىغان يېرى تولا ئىكەن. ئەقىللىقلار قول ئۇزاتسا تېگىدىغىنى ئاز، بىلىم ئىگىلىرى ئاچلىقتا قالسا يەيدىغىنى ئاز. بۇ جاھان بىلىمسىزلەرنىڭ جەننىتى ئىكەن. ئۇلار راھەت ئىچىدە شاد يۈرىدىكەن، موھتاج بولمايدىكەن، ئازابمۇ تارتمايدىكەن. ئەقىللىقلار ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ قەدەم باسقان يېرى تىكەنگە تولغان، بىلىملىكلەر ئۈچۈن يېمەكلىكى زەھەرگە تويۇنغان ئىكەن. شۇڭا زاھىتلار قىز-ئوغۇللىرىنى تاشلاپ، بۇ دۇنيادىن يىراقلاشتى. ئابىدمۇ دۇنيانى تاشلاپ ئىبادەتكە كىرىشتى.
383
— بۇ سۆزلەر ئەڭ توغرا، ئەقىلگە مۇۋاپىق، چىن گەپ بولدى، — دېدى ئۆگدۈلمىش ئىلىگنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، — بۇ دۇنيانىڭ خۇي-پېيىلىگە سەپسالسا يەپ تويمايدىغان ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ. ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى بېقىپ سەمىرتىدۇ. ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يەپ جودىتىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت بىلەن قارىسا، ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا بۇ دۇنياغا يارىلىپ، يەر يۈزىگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە نى-نى ئادەملەر ۋە بەگلىرىنىڭ بەگلىرى بۇ دۇنياغا كېلىپ كېتىشتى. تۇغۇلغاننىڭ بىرى ئالىم بولۇشتى، بەزىلىرى جەسۇر قەھرىمان، بەزىلىرى تىك قىيادەك مەغرۇرلۇق بىلەن كېتىشتى. بەزىلىرى ئەقىللىق، بەزىلىرى دانا، بەزىلىرى تەلۋە-ئەخمەق، بەزىلىرى ھورۇن كېلىشتى-كېتىشتى. يەنە قانچىلىغان پەيغەمبەرلەر ۋە كامىل ئۇستازلار تۇغۇلدى. ئۇلار تەڭرى ئەمىرى بىلەن ئىنسانلارغا يول باشلاپ كېتىشتى. بەزىلىرى ئۇزۇنراق ياشاپ كەتتى، بەزىلىرى قىسقىلا ياشاپ كۆچۈشتى. بىرى چوك سۆزلىرى بىلەن باش كۆتۈردى، يەنە بىرى ياراتقۇچى ھەققە قارشى يايىنى قۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ئوقى ئاتتى. بۇ زېمىنغا قانچىلىغان ياخشى، دانىشمەن ئالىملار قەدەم باستى. ئۇلارنىڭ بۈيۈك ئارزۇلىرى بار ئىدى. بىراق ئۇلارغىمۇ ئەبەدىيلىك ھايات نېسىپ بولمىدى. بۈگۈن قارىساق، ئۇلار خۇددى بۇ دۇنياغا تۇغۇلمىغاندەك قارا يەر قېتىدا يۇغۇرۇلۇپ ياتماقتا. بۇ جاھانغا تۆرەلگەن ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قارا يەر ئاشۇنداق يۇتۇۋەتتى. ئۇلار مانا ھەشمەتلىك ئوردا-سارايلارنى تاشلاپ قارا يەرنى قۇچاقلاپ، قىيامەتنى كۈتۈپ، بىخارامان ياتماقتا. ئۇلاردىن ھېچقانداق تۇۋۇشمۇ يوق. نەپەسلەنىۋاتامدۇ، ئۇخلاۋاتامدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق، بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىرى يېمەك، كىيمەككىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھتاجلىقتا باشقىلارنىڭ دۇئاسىغا
تەلۈمۈردۇ. ئۆكۈنۈش بىلەن ئېنىقچىلىشىپ، سېنىڭ ئارزۇ-ئارماندا ياخشىلىقنى كۈتۈشۈپ ياتماقتا. بۈگۈن تەڭرى بىزگە بۇ كۈنلەرنى نېسىپ قىلدى. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش يارىمايدۇ. ئەي قانون ساھىبى، خۇدا بىزگە ياخشىلىقلار ئۈچۈن تەۋپىق بەرسۇن.
ئۆگدۈلمىش سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كۈنتۇغدى ئېلىككە كۆپ مەدھىيىلەرنى ئوقۇپ ۋە ئاللادىن ئونىڭ ئۈچۈن كۆپ مەدھەت تىلەپ مۇنداق دېدى:
— ئەي دانىشمەن ئېلىك، ھاياتلىقتا ئوزۇن ياشايسەن، بۇ ئالەم سېنىڭسىز قۇرۇق قالمىسۇن. ئاللا ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى مەڭگۈ ئۈزمىسۇن. قانداق ئارزۇ-تىلەكلەرىڭ بولسا ئاللا تائاللا ساڭا بارلىق ئىشلىرىنى ئېچىپ بەرسۇن. راھەت-پاراغەت ئىچىدە خۇشال-خورام ياشغىن. سېنىڭدەك ئادالەتلىك، ئەقىللىق، پاراسەتلىك، مېھرىبان بەگلەرنىڭ ئۆلۈپ، سوغۇق چىرىپ، يەر قارنىدا ياتقانلىقىغا مېنىڭ ئەپسۇس. ئەي ھۆكۈمدار، ئاللا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ياراتقان ئىكەن، بۇنىڭغا نېمە ئامال. بىراق ساڭا ئوخشاش بەگلەر گەرچە ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئۇ ئۆلۈم ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى سەن ياخشىلىق قولۇڭ بىلەن سائادەت تۇرۇقلىرىنى چېچىپ كەتتىڭ. سەن ھايات بول ياكى ماماتلىق دۇنياسىغا كۆچ، «ياخشى» دېگەن مۇقەددەس نامىڭ دۇنياغا تارالدى. تىلىكىم شۇكى، سېنى ھەقىقىي سۆيىدىغان دوستلىرىڭ كۆپەيسۇن، رەقىبلىرىڭ قان يۇتسۇن، سەلتەنەت زېمىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيسۇن.
ئۆگدۈلمىش سۆزلىرىنى تۈگىتىپ، كۈنتۇغدى ئېلىككە باش قويۇپ خوشلاشقاندىن كېيىن ئوردىدىن چىقتى. ئېتىنى مىنىپ، ئۆيىگە قاراپ يول سالدى. ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىردى. ئازراق غىزالانغاندىن كېيىن ئارام ئېلىش ئۈچۈن كورپە ئۈستىدە سوزۇلدى.
تاڭ ئاتتى. ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇ مۇلازىملارغا پەرمان چۈشۈرەتتى، ئۆزى ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرەتتى. نۇرغۇن ئىشلارغا ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمۇ ئۆزىدەك تۈز بولغاچقا، پۈتۈن ئەگىرىلەر مۇ قىلىقلىرىنى ياخشىلاپ توغرا يولغا كىردى. ئۇ ئالىيجانابلىق بىلەن كىشىلەرگە باش بولغاچقا بۇ دۇنيا تۈزىلىپ، ياخشى، قۇتلۇق دۇئالار پەلەككە يەتتى. بۇنداق قۇتلۇق دۇئا-تىلەكلەر بۇ دۆلەتكە كۈندىن-كۈنگە سائادەت نۇرىنى سەپتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇلۇغ زاتلار دۆلىتىگە ئاشۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتۈشتى. ياخشى نام-شۆھرىتى بۇ دۇنيادا ئەبەدىيلىك قالدى. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ نامى ۋە تەڭداشسىز ئىززەت-ھۆرمىتى مەڭگۈ ئۆچمىگەي.
خاتىمە
ئەي دانا ئوقۇرمەن، نەزەر سالغىن، بۇنداق ئېسىل سۈپەت كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەم، قىلغان ئىشلىرى پەرىشتىلەرنىڭ ئىشى. قېنى ئېيتىپ باققان، ئۇ ئادەملەر ھەقىقىي ئادەم ئاتىلىدىغان بولسا، بۈگۈنكى خەلقنى نېمە دېگۈلۈك؟! ئەگەر بىز ئادەم دېيىلىدىغان بولساق، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى پەرىشتە دېگۈلۈك. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن ئۆگىنىش، سۆزلىرىنى ئاڭلاش، ئۇلار باسقان ئىزدە مېڭىش ھەر قانداق ئادەمگە قۇت ئاتا قىلغاي. ئەقىللىقلار ئۇقالايدۇ، بىلىملىكلەر بىلەلەيدۇكى، ئىنسان شەكسىز ئۆلىدۇ، بۇ دۇنيا مەڭگۈ قالىدۇ. غەنىيمەت كۈنلەرنى بىھودە زايە قىلماي تائەت-ئىبادەت قىلىشتىن باشقىسى ئۇنچە نەپ بەرمەگەي. ئۆزۈڭدىن بۇرۇن ئۆلگەنلەرنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپسەن، پۈتۈن قەسىر، ئوردا-سارايلارنىڭ ھەممىسى قالىدۇ. ھەر قانچە ئۇلۇغلۇقمۇ ئۇلارنى بەند قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. كۆرمەمسەن، قانچىلىغان ئوردا-سارايلارنى، مۇستەھكەم قورغانلارنى ئۆلۈم تىرنىقى بۇزۇپ قارا يەرگە ئايلاندۇردى. قانچىلىغان شەھەر-قىشلاق، باغ-ۋارانلارنى ئۆلۈم خانوۋەيران ۋە خازان قىلدى. بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ پەند-نەسىھەت نەدە بار؟! ھازىر بۇ قەسىر، ئوردا-سارايلار سېنىڭ ئىلكىڭگە ئۆتتى. شۇڭا، سەن ئۇنى ماڭىلا مەنسۇپ دەپ تەسەررۇپ قىلسەڭ. ئارقىڭغا قارا، سانسىز قوشۇنغا ئىگە بولغان جاھانگىرلار قېنى؟ قوشۇنلىرىنى قويۇپ، ئۆزى يەر قارنىغا كىرىپ كەتتى. ئۆز مەملىكىتىگە قانائەت قىلماي، ئاچ كۆزلۈك بىلەن كۆپ ئەللەردە زورلۇق قىلغانلار قېنى؟ ئۇلار ھېچنېمىسىدىن
بەھرىمەن بولالمىدى. قېنى باشقىلارنىڭ زېمىنىغا زورلۇق قىلغان زورۋان؟ ئۆلمىدى ئۇ بىر غولاج يەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ ئىڭراپ ياتماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆككۈچى قېنى، ئۇلارنىڭ ھەۋىسى نەگە كەتتى؟ قېنى ئۇ پىتنىخور، بوھتانچىلار؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن يەر تېگىگە كىردى؟ قېنى ئۇ باشقىلارنى ساتقۇچى ساتقۇن؟ ئۇ قارا يەر بىلەن تەڭ بولۇپ ياتتى. دۇنيانى دەپ ئۇرۇش ئاچقانلار نەگە كەتتى؟ ئۇلار كەتتى، دۇنيا ئۆز پېتى قالدى. ئۇلار ئۆلۈمگە ئامال قىلالىمىدى. بۇ دۇنيانىڭ مال-دۇنياسىنى ھېرسىمەنلىك بىلەن قويماي توپلىغانلار قېنى؟ ئۇلارغا پەقەت ئىككى بۆزلا نېسىپ بولدى. قېنى ئۇ تېخىمۇ كۆپ زېمىن تەلەپ قىلغان كىشى؟ قارا يەرنى يېپىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئىشىمۇ پۈتتى.
بۇ دۇنيانىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇ. ئەقىل بىلەن نەزەر سالغان كىشىگە سىرلار ئىشىكى ئېچىلىدۇ. راھەت-پاراغەت دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە جاپا-مۇشەققەت، شادلىق، خۇشاللىق دەپ بىلگەننىڭ ئەمەلىيەتتە قايغۇ-كۈلپەت، قەدرلىنىش دېگەننىڭ خارلىق، سۆيۈنۈش دېگەننىڭ ئەلەم. شۇڭا، بېشىڭغا قانداق ئېغىر كۈنلەر كەلسە، ئىنـجـىقلىماي كۆتۈرگۈلۈك. راھەت-پاراغەتمۇ، جاپا-مۇشەققەتمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەي مۇشەققەتكە سەۋر قىلغۇچى، ئۇستازلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سال: ئەي نېمەت ئىگىسى، ئېرىشكەنگە شۈكۈر قىل. ئەي مېھنەت ئىگىسى، سەۋر قىل، سەۋر قىلساق مېھنەت نېمەت بولۇر، شۈكۈر قىلساق نېمىتىڭ مول بولۇر.
* * *
مەن بۇ ئۆلگىلىك سۆزلەرنى 462-يىلى① يېزىپ
تاماملدىم. ئەقىل-ئىدراكىم يەتكەن پۈتۈن سۆزلىرىمنى يازدىم. ئوقۇغان ۋە چۈشەنگەنلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىپ مەنپەئەتلىنىشى ۋە سېنىڭ ھاياتلىق يولۇڭنى پۇختىلىۋېلىشىڭ ئۈچۈن، ئىش-ھەرىكىتىڭ ۋە يولۇڭنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئازراق سۆزلىدىم. بۇ ھەم دىن يولى، ھەم ھاياتلىق يولىدۇر. ھەر قاچان يولۇڭدىن ئازماي، ئوشبۇ يول بىلەن ماڭغايسەن. بۇ دۇنيانى ئىزدەسمۇ يول مۇشۇ، ئۇ دۇنيانى تىلىسەڭمۇ يول مۇشۇ. ئاللانىڭ مەدەتى بىلەن بەندىلىكىڭنى ئادا قىل. بۇ دۇنيانى ئىزدە ياكى ئۇ دۇنيانى تىلى، ئۈچىنچى بىر يولدىن قاچساڭلا بولىدۇ.
ئى ئاللا، مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قانداق تىلەكلەر بىلەن يېزىشقا باشلىغانلىقىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. تىلىكىم ئۆزۈم ئۈچۈن نام-ئاتاق، شان-شەرەپ قوغلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆز بولسۇن ياكى يات بولسۇن باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىدىم. ئوقۇغانلار ھەر قېتىم ئوقۇغاندا مېنى ياد ئېتىپ دۇئا قىلىپ قويار دېگەن ئۈمىدتىمەن، ئارزۇيۇم، تىلىكىممۇ شۇلا. تىلىم بىلگەنلىرىنى سۆزلىدى، قولۇم سۆزلىرىمنى پۈتتى. ئۆلۈمۈم بىلەن تەڭ قولۇممۇ، تىلىممۇ بىللە كېتىدۇ. بۇ كىتابىم ساڭا تىلىم بىلەن قولۇمنىڭ نىشانى سۈپىتىدە يادىكار بولسۇن. ئەي تىرىك ئوقۇرمەن، مەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ يەرنى تۈشەك قىلغاندىمۇ، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن!
ئى مەڭگۈ بىھاجەت ئۇلۇغ ئىگەم، مەن موھتاج قولۇمنى ئۆزۈڭلا كۆتۈرگىن. مەن يولدىن ئازغان گۇناھكار بەندىمەن، پەقەت سەنلا گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلالايسەن. سەن ئىگەم، مەن قولۇڭمەن. پەقەت سەنلا ماڭا ئېگىدارلىق قىلغىن. ئېگىسىنىڭ
قۇلۇڭغا ھىممتى كۆپتۇر. ئەي غەپۇر رەھىم، مەن قۇلۇڭنىڭ گۇناھى كۆپ، ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلىپ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن. ھەي ھىممتى چەكسىز پەرۋەردىگارىم، شەرقـتىن-غەربـكىچە پۈتكۈل مۆمىنلەرنى ئەپۇ قىلغىن. ئەي ھەممىنى بىلگۈچى، گوستاخ① مەن، گوستاختىن گوستاخلىق سادىر بولىدۇ. ئىپاردىن ئىپارنىڭلا پۇرىقى كېلىدۇ. ناپاك نەرسىدىن بەتبۇي ھىد كېلىدۇ. سەن ئۆز پەزىلىتىڭ بىلەن گۇناھىمدىن ئۆتـكەيسەن. ھەي ئۈمىد نۇرىم ئاللا، سەنلا مېنىڭ ئۈمىد يولۇمنى يورۇتـسەن، سەندىن ھەرگىز ئۈمىدىمنى ئۈزمەيمەن. مەن بىر ۋاپاسىز قۇلۇڭمەن، سەن ۋاپادار ئىگەمسەن، قۇلۇڭغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن. ئى رەببىم، چاپادىن جاپالا كېلىدىكەن، ۋاپادارلىقتا ۋاپادىن بۆلەكنى بىلمىدىم. سەن ۋاپادارلىقىڭ بىلەن پۈتكۈل مۆمىنلەرنى ئەپۇ قىلغىن، شۇلارنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى ھەم كەچۈرگەيسەن. توغرا يول كۆرسەتكۈچى ۋە يولباشچى پەيغەمبىرىمىزگە تۈمەن مىڭ سالامىمنى يەتكۈزگىن. ئونىڭ تۆت ھەمراھىغا كۆپـتىن-كۆپ سالامىمنى ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزگىن، ئامىن.
① گوستاخ — بويۇنتاۋ، ئۆزىنى توشمىغۇچى. 390
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاخىرقى تىلاۋىتى
I
يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ئېسىت دەيمەن، يىگىتلىكىمگە ئېسىت! سېنى تۇتۇشنى بىلمەي قاچۇرۇپ قويدۇم. يىگىتلىكىمنى ئۆتكۈنچى بولۇتتەك يوقاتتىم، ھاياتىمنى شامالدەك تۈگەتتىم. ئەي يىگىتلىكىم، يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلگەن بولساڭ، ئالقىنىمدا كۆتۈرەتتىم، گايىڭغا تاۋار-دۇردۇن سالاتتىم.
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، ياشلىقىمنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ھەر قانچە تەقەززا بولساممۇ، ئۇنىڭغا قايتا مۇيەسسەر بولالمىدىم. يىگىتلىكىمنى نەگە يوقاتتىم، ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئەمدى ئۇنى تىلىسەممۇ تاپالمايمەن، مەن بىلدىمكى، يىگىتلىك ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل مەۋسۈمى ئىكەن. ئۇ كىشى ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ شېرىن چېغى، شېرىن جاننىڭ لەززەتلىك بېغى ئىكەن. ئەمدى بۇنى ھېس قىلغىنىمدا ياشلىقىمنىڭ راھەتنى، يىگىتلىكىمنىڭ لەززەتنى قاچۇرۇپ مەھرۇم قالدىم. دۇرۇسراق ئۆتەلمىگۈچە قېرىلىقتىمۇ غەيىب يوق ئىدى. ئەپسۇس، ھاياتىمنىمۇ بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتتىم. ئەي يىگىتلىكىم، ھەسرەت بىلەن ساڭا ئېچىنىمەن. مەندىن يىراقلاپ شۇنچە كۆرۈنمەستىن
مەھرۇم قىلدىك. ئىككى مەڭزىم ئەرغۇۋاندەك① قىزىل ئىدى، بۈگۈن مانا يۈزۈمگە زەپىران ئۇرۇقنى سەپكەندەك بولدۇم. ئىبادەك قارا چاچلىرىمغا كاپۇر پۈركۈدۈم. ئايدەك تولغان يۈزۈمنى قاياقلارغا كەتكۈزگەندىمەن؟ تۈمەن خىل گۈللەرگە پۈركەلگەن پارلاق يازدەك ئىدىم، ئەمدى ھەممىنى قۇرۇتۇپ، خازان بولدۇم. قەددىمدەك بويۇم ئوقدەك دۇرۇس، تۈز ئىدى، ئېگىلىپ، مۈكچىيىپ يادەك بولدۇم. ھاياتىمنىڭ يازى چاغلىرىنى بىھۇدە زايە قىلدىم، ئۆكۈنۈش بىلەن كۆزۈمدىن قانلىق ياش سىرغىماقتا. بالىلىقىمنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم، يىگىتلىكىمنىمۇ يوقاتتىم. كۆڭلۈمنى تارايتىپ، ئۆزۈمنى چۆكتۈردۈم. يېمەك-ئىچمەك بولسا ئويدەك يەپ-ئىچتىم، ھەۋەس قوغلۇشۇپ نۇرغۇن چەۋكان تۈزۈتتۈم. قوش ۋە ئۇدۇن سۆيۈنۈپ، ئۇچقۇر ئارغىماقتا دۆڭلەرگە چاپتىم، دوست-يارلىرىمگە شېرىن جاندەك يېقىن بولدۇم، دۈشمەنلىرىمگە يۇلۇقسام توسۇن ئاتتەك چۆچۈتتۈم. گۇناھسىزلارنى گۇناھقا بۇيرۇپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەيىبلىدىم، تىل تەگكۈزدۈم، قول ئوزاتتىم. غالىب ئەرلەردەك مەيدەمنى كېرىپ، مەغرۇرلىنىپ قىيادەك غادايدىم.
مەن مەستلىكتىن ئويغانغان ئەردەك ھۇشۇمغا كېلىپ، ئۆزۈمنىڭ يولدىن ئازغانلىقىمنى بىلىپ، خۇدادىن بەك ئويالدىم. بەندىنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن دەپ، تەڭرىنىڭ ئىبادىتى قالدى. جاھان كېزىپ يۈرۈپ، يولدىن ئېزىپتىمەن. ھەۋەس قوغلۇشۇپ خېلى چاپتىم، قۇتۇرغان بۆرىدەك جاھاننى ئېگىراتتىم، كىشىلەرگە زورلۇق قىلىپ پۇلىنى ئالدىم. بىرىگە غەزەپ قىلىپ، يەنە بىرىنى رەنجىتتىم. رەببىم مەندىن نېمىشقا شۇنداق ئەسكىلىكلەرنى قىلدىڭ دەپ سورىسا، نېمە دەرمەن دەپ تولىمۇ ئويالدىم. قايسى تەلۈينىڭ ئىشلىرى بۇنىڭدىن ئارتۇق بولغان، ئۆمرۈمنى ئۆتكەن
① ئەرغۇۋان — قىزىلگۈل. 392
كۈنۈم بىلەن گۈللەپ تۈگىتىپتىمەن. كۈن- ئايلار بىھۇدە زايە بولۇپ مېنى ئۆكۈنۈشكە قويدى. شادلىق ئۆتۈپ كەتكەنگە ئوخشاش، ئازابلىرىممۇ ئۆتۈپ كەتسە ئىدى كاشكى.
قىياسەن مەن ئۆزۈمنى كىسرا① ياکى قەيسەر② دەپ ھېسابلىدىم، شىددەتلىك جەننەتمۇ ياساتتىم. ئىسكەندەردەك پۈتۈن دۇنيانى تەسەررۇپىمغا ئالدىم، نۇھ يېشىدەك ئۆزۈن ياشاپ باقتىم. ئۆزۈم چاقماقتەك قىلىچلىق ھەيدەر بولدۇم ياكى رۇستەمدەك دۇنيادا داڭق قازاندىم، ئەيسا بولۇپ كۆككىمۇ ئۆرلىدىم ياكى نۇشىرۋاندەك ئادىل قانۇن يۈرگۈزدۈم. بايلىقىم قارۇننىڭ بايلىقىدەك تولدى ياكى ئەسھابى رەستەك تۆمۈردىن شەھەر سالدۇردۇم. بۇلاردىن نېمە پايدا كەلدى، ئاخىرى قايتىپ تۇپراققا كىرىش بولدى. پۈتۈن دۇنيا قالدى، ئىككى بۆز بىلەنلا كەتتىم. يالغۇز تۇغۇلدۇم، يەنە يالغۇز يەرگە كىردىم. بۇ دۇنياغا ئۆزۈمنى نېمانچە ئۇرۇپ كەتتىم؟!
دۇنيا خۇددى بوراندەك ئۆتۈدىكەن، ئۆتكۈنچى دۇنياغا غاپىللىقتا شۇنچە پاتتىم. ھاياتتا پايدىلىق بولغان ياخشى ئىشلىرىم قېنى؟ تىرىكلىك ئۇرۇقىنى قەيەرلەرگە تېرىدىم؟! نېمە تېرىغان بولسام شۇنى يىغدىم، نېمە يىققان بولسام شۇنىلا تەپتىم. مانا يىگىتلىكىمنى قاچۇرۇپ، قېرىلىققا يەتتىم. بەس، سۆزۈمنى نېمانچە چېچىۋەتتىم، ئەمدى ئەسلى سۆزۈمگە قايتاي.
ئويغان، تىنماي يىغلا، گۇناھقا پاتتىڭ، ئۆزۈن تۈنلەردە ئۇخلىماي ئىگىگە تېۋىنغىن. يىلان، قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىدىغان بۇ بەدەننى نېمەتلەر بىلەن نېمانچە سەمىرتتىم؟! ئەي مەست جان، ئويغان! تىنماي يىغلاپ خۇداغا تېۋىن، بولمىسا ئۆزۈڭنى يوقاتقىنىڭ شۇ. ياشلىقىم يىراقلىشىپ، قېرىلىق چاڭگىلىغا ئالدى، ھاياتنىڭ لەززىتى كەتتى. ئەمدى بارىدىغان…
① كىسرا — ئىران شاھلىرىنىڭ ئۈنۋانى. ② قەيسەر — رۇم شاھلىرىنىڭ ئۈنۋانى.
ئۆدۈل يولنى تاپتىم. بۇ كونا دۇنيا خەلقنى كۆپ ئالدىدى، ئونىڭ نېمىسىنى ئارزۇلاپ شۇنچە سۆيگەندىمەن؟!
ئەي رەببىم، سەن ئېگەمسەن، مېنى ئويغاتقىن. دەركاھىڭدىن مېنى قوغلنىمىغىن، قەلبىمنى پاكلىدىم، سەن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغۇچى بىردىنبىر ئېگەمسەن، گۇناھلىرىمنى ئۇنتۇغانلىقىمنى ئەپۇ قىل.
II
زاماننىڭ بۇزۇلغانلىقى، دوستلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن نالە قىلغانلىقى
مەن ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۆرەي، جاھان كېزىپ دۇنيادا ۋاپادار ئادەم بولسا ئىزدەپ كۆرەي. بۇ دۇنيادا ھەقىقىي ئادەم قىس بولۇپ كەتتى. نەلەردىن ئىزدەسەم بولاركەن، قېنى ئىزدەپ تاپقۇدەك بولسا ئىزدەپ باقاي. ھەممە ئارزۇيۇمغا يەتتىم، لېكىن ھەقىقىي ئادەمگە ئېرىشەلمىدىم. ئەگەر بۇ ئارزۇيۇم ھاسىل بولسا دىدارىغا قېنىۋالاي. دۇنيانى جاپا قاپلاپ، ۋاپا قەھەتچىلىكى بولدى. قېنى سوراپ باقاي، كىمدە ۋاپا باركەن. مۇبادا ۋاپادار سېخي ئەرنى تاپسام ئىدىم، يەلكەمدە كۆتۈرەتتىم، كۆزۈمگە سۈرتەتتىم. ۋاپادار ئىنساننى تاپالمايدىغان بولسام، تاغدا ياۋايى كىيىك بىلەن ھايات كەچۈرەي. قۇمنى تۆشەك قىلىپ، تاغاردىن تون كىيەي. يېمەك-ئىچمىكىممۇ يامغۇر سۈيى بىلەن ئوت-چۆپ يىلتىزى بولسىلا كۇپايە. كىشىلەردىن يىراقلاپ، دۇنيادىن يۆتەي ياكى ۋەھشىي ھايۋان كەبى باياۋانلاردا يۆگۈرۈپ يۆرەي. بۇمۇ بولمىسا دۇنيانى تەرك ئېتىپ دەريادەك ئاقاي، شامالدەك ئۇچاي. ئى ئاللا، ۋاپاسىزلارغا يولۇقۇپ غەمگە پاتتىم. ۋاپادار كىشىنى تاپسام شېرىن جاننى پىدا قىلاتتىم. «ئادەم» دېگەن ناملا
قالدى، ھەقىقىي ئادەمىيلىك يوقالدى. ئەگەر قەيەردە ئادەمىيلىك بولسا، مەنۇ شۇ ياققا باراتتىم. دۇنيانى قىزىپمۇ مېھرىبان ئادەم تاپالمىدىم، مېھر-شەپقەتسىز كىشىلەرگە قانداقمۇ كۆڭۈل بېرىي. كىمنى ئۆزۈمگە كۆزۈمدەك يېقىن تۇتقان بولسام، شەيتاندەك دۈشمەن بولدى، قانداق قىلاي. كىمنى شېرىن جېنىمدەك بىلىپ سۆيگەن بولسام، شۇنىڭدىن جاپا كۆردۈم، ئەمدى كىمنى سۆيەي؟ كىشىلەرنىڭ تىلى دىلىغا شاھىت ئىدى، ئەمدى تىلى بىلەن دىلى ئالا بولۇپ كەتتى، قايسى بىرىگە ئىشەنگۈلۈك. ئەمدى كىمنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلاي، كىمگە ئىشىنىي، كىمنى دوست تۇتاي، كۆڭلۈمنى كىمگە ئىزھار قىلاي؟ دەردىم تولا، ئونى كىمگە ئېيتاي، ئەمدى ئازراق دەرد تۆكەي.
نېمىسىنى ئېيتاي، ئاداش-قۇلداشلىرىمدىن ئۈمىد قالمىدى، قېرىنداشلىرىم ياتلىشىپ كەتتى. ئەگەر ئىشەنج بىلەن خاتىرجەملىك قەسەم بىلەن بولىدىغان بولسا، قېنى ئۇ قەسەمگە ئەمەل قىلغۇچى، ئۇنى ئەر ئاتاي. نان-تۇز ھەققىنى ساقلىغۇچى بارمۇ، ئانداق كىشى بولسا ئالتۇن-كۆمۈش، مەرۋايىتلارغا كۆمۈۋەتەتتىم. خوشاللىق ۋە قايغۇدا ئورتاق بولىدىغان قوشنا-قولۇملار بولىدىغان بولسا، ئۆيۈئاقتامنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ چىقىپ كېتەي. ئىشىنىچىگە يارغىدەك دوست-يارەنلىرىم بولىدى، ئۇنى بېگىم ئاتاپ، ئۆزۈم قۇلى بولۇشقا رازى بولاتتىم. سرداشقىدەك ئادەم يوق، يالغۇزلۇقتا مۇڭغا پاتتىم. شادلىقىمۇ كۆلەرمەنمۇ؟ قانداق بولۇپ خەلق ياخشى ئۆرىپ-ئادەتنى تاشلاپ بۇنچە بوزۇلۇپ كەتتى، قانداق زامانغا قالدىم، مەن نەگە باراي ئەمدى؟!
مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم، قېنى ئېيتىتقىن، مەن ئەقلىمدىن ئاداشتيممۇ ياكى تەلۋە، ئەخمەق بولدۇممۇ، ئوقۇپ قالاي. سەپرا كۆپىيىپ، مېڭەم قىزىپ قالدىمۇ ياكى كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتامدۇ، بولمىسا دورا ئىچىپ باقاي. مەن بۇنداق
395
كىشىلەرنى ئۇچراتتىممۇ ياكى ئۆزۈم تۆرىدىمەنمۇ؟ ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، دۇنيادا ۋاپادارلىق نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلەر قېنىدۇ، بىر ماختالغۇدەك كىشى. ئۇلار يولغا قويغان ياخشى قائىدە-تۈزۈملەرنى بۈگۈنمۇ كۆرسەم ئىدى، قانچە شادلانغان بولاتتىم. يا بولمىسا قائىدە قانۇنلارنى تۈزىدىغانلار بولسا تۇرسۇن، ياخشىنى تۈرگە باشلاپ، جاھىللارنى سۈرۈپ چىقىراي. ياق، نەدىمۇ ياخشىلار بولسۇن، بارلىق ياخشىلار ۋە قانۇن-يوسۇنلارمۇ كەتتى، كىشىلەرنىڭ ئەپلىرى قالدى. ياخشىنى نەدىن تاپاي، بويىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەندە كىشى ئادەم ئاتىلىدىغانلا بولسا، ئۆتكەنكىلەر پەرىشتىمىتى؟ ئۇ ئېسىل تەبىئەتلىك «پەرىشتە» لەرنىڭ ھەممىسى كېتىشتى، مەن مانا بۇ ناكەسلەر بىلەن قالدىم. ئەمدى قانداق قىلىپ ئۇلارغا ياراي؟
قانچىلىك سۆزلىسىممۇ گېپىم تۈگىمەيدۇ. بەس ئەمدى، شۇنچىلىك سۆزلەپ يولۇمغا راۋان بولاي. بۇ يەردىن ياخشىلىق تاپالمىدىم. ئۇلۇس، شەھەرلەرنى تاشلاپ كىشىلەردىن يىراقلىشاي. نامىمنىمۇ بىلمىسۇن، مېنىمۇ كۆرمىسۇن، ئىزدەپمۇ تاپالمىسۇن، گېپىم شۇ. چاياندەك چاقىدۇ، چۈلۈكدەك شورايىدۇ، ئىتتەك قاۋايدۇ، قايسى بىرىنى ئۆراي. بۇ جاھىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ئەلەم يەتتى، ئەمدى كېچە-كۈندۈز بۇ پۇشايماندا يەنە قانداق يۈكلەرنى يۈدەي. پۈتۈكۈل جەبىر-جاپا ماڭىلا كېلەمدۇ، بۇ پەس، جاھىللاردىن چېتنىرەك تۇراي.
ئى ئاللا، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۈزىنى كۆرۈشكە ھەم ئۇنىڭ تۆت ھەمراھى بىلەن دىدارلىشىشقا نېسىپ قىلغايسەن!
III
مۇئەللىپنىڭ ئۆز-ئۆزىگە نەسىھەتى
ئەي يۈسۈپ، بىلىم ئۆگىنىپ، ئىلىم تۆرىدىن ئورۇن ئال.
بىلىم سېنىڭ ئۈچۈن مۇستەھكەم قورغان بولىدۇ. بىلىمسىز قەلب بىلەن نېمىگە يارايدۇ؟! بىلىم بىلەن ئۆمرۈڭگە سۇدەك يارالغىلى بولىدۇ. ھەر قانچە بىلسەڭمۇ يەنە سوراپ ئىزدەن، بىلىملىك ئادەملەر سوراش بىلەن تىلەككە يەتكەن. «بىلىمەن» دېگەنلىك بىلىمسىزلىكىڭنىڭ نىشانىدۇر، بىلىملىكلەر ئۇنداقلارنى نادان ھېسابلايدۇ. بىلىم دېگەن تۈۋى ۋە چەكى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ، قۇدۇق شوراپ ئۇنىڭدىن قانچىلىك سۇنى قۇرۇتالايدۇ؟ بىلىم بولغاندىلا ئۆز بېشىڭ ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ، شۇڭا بىلىملىك ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. يا بىلىم ئۆگىنىپ، ئادەم قاتارىغا كىرىپ ئۆزۈڭنى يۈكسەلدۈر، يا ھايۋان ئاتىلىپ كىشىلەردىن چەتنەش. بىلىملىك كىشىلەر ئېچىلماي ھەر دائىم غەم بىلەن يۈرىدۇ، بىلىمسىز ئادەم شادلىنىپ قاقاقلاپ كۈلىدۇ. بىلىملىك ئادەم غەم-غۇسسە ئىچىدە قانداقمۇ كۈلۈپ يۈرەلسۇن؟! سەن بولساڭ سەكرەپ، ئېغىناپ يۈرگەن نادان تاغ ئۆچكىسىسەن. بىلىملىك كىشەنلىك كىشى بولىدۇ، ھەرگىز ئۇنداق ئەركىن يۈرەلمەيدۇ. بىلىمسىزلەر بولسا ھەۋەس قوغلىشىپ ئاشۇنداق يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈشىدۇ. ئەي ئالىم، كىشەنلىكسەن، بىلىمسىز بولسا ئەركىن. نادان كىشەننى بۇزىدۇ. مەن بىلىم تەلەپ قىلىپ قولۇمنى سۇندۇم، سۆزنى سۆزگە ئۇلاپ رەڭلىك مىسرالارنى تىزدىم. تۈركچە سۆزنى ياۋا كىيىكتەك ھېس قىلغانىدىم، بىراق ئۇنى ئاستا-ئاستا تۇتۇپ كۆندۈردۈم. سىلاپ ئەركىلىتۈۋىدىم، تېزلا كۆڭۈل بەردى. يەنە بەزىدە ئۆركۈپمۇ تۇرىدۇ. قولۇمنى سۇنۇپ چامىم يەتكىچە سۆزلەرنى تاللىۋىدىم، ئىپادە ئەمدى كېلىشكە باشلىدى. مەن توغرا سۆزلەرنى دېدىم، توغرا سۆز يىرىك ۋە ئاچچىق بولىدۇ. ئەقىللىق ئەركەكلەرلا بۇنداق دۇرۇس سۆزلەرنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە ئارتۇق، ئېغىر كەلمىسۇن دەپ ئوچۇق-ئاشكارە ئۆزرە ئېيتتىم. توغرا سۆزدىن باشقىنى سۆز دېگۈلۈك ئەمەس.
توغرا بىلەن ئەگرىلىكنىڭ پەرقى ئاق بىلەن قارىغا ئوخشاش. مەن يۈرەك قېنىم بىلەن بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتقاندا ھىجرىيىنىڭ 462-يىلى ئىدى. سۆزلەرنى تاللاپ، ئايرىپ تىزىپ، رەتلەپ، توپتوغرا 18 ئايدا يېزىپ تاماملىدىم. ھۆپپىدە ئېچىلغان گۈللەردەك خۇش پۇراق بەرسۇن دېگەن نىيەتتە، كۆپ تەييارلىق بىلەن سۆزلىرىمنى بايان قىلىپ سۇندۇم.
ئەي يۈسۈپ، كېرەكلىك سۆزلەرنى توغرا بايان قىل، كېرەكسىز سۆزلەرنى زەرەيلىك بىلىپ يوشۇر. سۆز دېگەن ئۈزۈلمەس بۇلاق سۈيىدەك ئېقىپ تۇرىدىغان تۇرسا، كىممۇ سۆزلەپ گېپىنى تۈگەتەلىسۇن؟! ھېلىمۇ كۆپ سۆزلەپ كەتتىڭ، تەمى كەتمەستە بەس قىل، كىشىلەر بىتەززە كۆپ سۆزدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ.
بۇ ئىشەنجىسىز دۇنيانىڭ ئادىتى جاپا ۋە تۇراقسىزلىقتۇر، ئەقىللىق ئادەم ئۇنىڭغا يېقىن يولىمايدۇ. سەن بۇ دۇنياغا تولىمۇ يېپىشتىڭ، ئەمدى تىرىشىپ كۆڭلۈڭنى ئۇنىڭدىن ئۈزگىن. بۇ دۇنياغا كۆپ ئىشىنىپ كەتمىگىن، قاتتىق يالۋۇرۇپ خۇداغا سېغىنمىن. ۋاپاسىز دۇنيا كۆپلىگەن خەلقنى تاشلىۋەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ كەتتى. ئۇ ياسىنىپ-تارىنىپ، كۈلۈپ ساڭىمۇ ئېتىلدى. ئاگاھ بول، ئازراق بولسىمۇ كۈلۈپ باقما. دۇنياغا ئىگە بولغان نى-نى بەگلەرمۇ ئۆلۈم بويىدىن سىققاندا كۆزلىرى ئوچۇق كېتىشتى.
بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمگە ئىسسىت دەيمەن، يىگىتلىكىم ئەجەب زايە بولۇپ كەتتى، ھاياتلىقىممۇ تۈگەپتۇ، بۇنىڭدىن ئۆكۈن، قايغۇر. نەچچە مىڭ يىل ياشىغاننىمۇ ئاخىرى ئۆلۈم بار. توپلانغان مال-دۇنيامۇ بەرىبىر ئارقىدا قالىدۇ. ئى ئاللا، ساڭا سېغىندىم، ئۆزۈڭ ساقلا، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن مېنى ئويغاتقىن. گۇناھلىرىم كۆپ ئوياتسىز قولۇڭمەن، ئەپۇ قىلىش سېنىڭ ئەلكىڭدە. سېنىڭدىن قاچتىم، ئالدىڭدا گۇناھكارمەن.
بۈگۈن مانا دەرگاھىڭنى سېغىنىپ، يالۋۇرۇپ كەلدىم. ئەي بىچارە ۋۇجۇد، نېمىگە ئىشەنسەن، كۆزلىرىڭنى نېمىلەرگە قاراتتىڭ، ئەمدى توغرا، ھەق يولغا كىرىپ ھەرىكىتىڭنى توغرىلا. ھەر ئىككى دۇنيادا تۆردىن ئورۇن ئال. ھەۋەس بىلەن تولغان بۇ دۇنيانى قويۇپ، يەنە بىر دۇنياغا قارا. تىلىڭنى تارت، گېلىڭنى يىغ. كۆپ ئۇخلىما، كۆزۈڭنى يۇم، قۇلىقىڭنى تۇت، راھەتلىنىسەن.
ئى رەببىم، پۈتۈن مۆمىنلەرنى كەچۈرگىن، چەكسىز رەھمىتىڭدىن ھەممىنى بەھرىمەن قىل. پەيغەمبىرىمىزگە ھەم تۆت چارىيارغىمۇ تۈمەن مىڭ سالامىمنى يەتكۈز.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئابدۇكېرىم راخمان مەسئۇل مۇھەررىرى: ئىبراھىم ھەمدۇللا مەسئۇل كوررېكتورى: ھۈسەيىنجان ئەسقەرى
« قۇتادغۇبىلىك »
ئەسلى ئاپتورى: يۈسۈپ خاس ھاجىپ رومانلاشتۇرغۇچى: يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتتى (ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى №14، پوچتا نومۇرى: 830046) شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسىدىن تارقىتىلدى شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» باسما زاۋۇتىدا بېسىلدى فورماتى: 850X1168 ملم، 1/32، باسما تاۋىقى: 13 2000 - يىل 12 - ئاي 1 - نەشرى 2000 - يىل 12 - ئاي 1 - بېسىلىشى تىراژى: 5000 — 0001
ISBN 7 — 5631 — 1253 — 7/I • 211 باھاسى: 22.00 يۈەن