ئودغۇرمىشنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۆگدۈلمىشنى چاقىرتقانلىقى
ئۆگدۈلمىشنىڭ قېرىندىشى ئودغۇرمىش بىلەن سۆھبەتلىشىپ كەلگىنىگە خېلى كۈنلەر بولدى. بىر كۈنى كېچىدە ئۆگدۈلمىش ئەمدىلا باش قويۇپ ياتاي دەپ تۇرۇشىغا، دەرۋازا ئالدىدا بىرسىنىڭ ئۆزىنى ئۆنلۈك چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۆگدۈلمىش مۇلازىملاردىن بىرىنى «چىقىپ قاراپ باققىن» دەپ بۇيرۇدى.
مۇلازىم قايتىپ كىرىپ:
— ئىشكى ئالدىدا بىر يوچۇن كىشى تۇرىدۇ، مۇھىم گېپىم بار دەيدۇ. جاناپلىرى بىلەن كۆرۈشۈمەن دەپ ئىجازەت سوراۋاتىدۇ، — دېدى.
— چىقىپ ئېنىق سورا، ئۆزى كىم ئىكەن، قەيەردىن كەپتۇ، قانداق مۇھىم گېپى بار ئىكەن، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
مۇلازىم چىقىپ بۇ يوچۇن كىشىدىن نېمە كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدى.
— مېنى ئودغۇرمىش ئەۋەتتى، ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۆگدۈلمىش بىلەن كۆرۈشتۈرگىن، دەيدىغان مۇھىم سۆزۈم بار ئىكەن دېگىن، — دېدى يوچۇن ئادەم.
مۇلازىم قايتىپ كىرىپ يوچۇن ئادەمنىڭ كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئۆگدۈلمىشكە مەلۇم قىلدى.
ئۆگدۈلمىش دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، خەۋەرچىنىڭ ئالدىغا
چىقتى ۋە ئۇنىڭ ئىچكىرى كىرىشىگە ئىجازەت بەردى. ئۇ ئادەم كىرىپ ئۆگدۈلمىشكە سالام قىلدى. ئۆگدۈلمىش:
— قېنى ئېيتىقىن، نېمە ئىش، قەيەردىن كېلىشىڭ، مۇددائىيىڭ نېمە؟ — دەپ سورىدى.
— مېنى قېرىندىشىڭ ئودغۇرمىش ئەۋەتتى. سېنى كېلىپ ماڭا بىر يولۇقسۇن، دىدارلىشۋالايلى دەيدۇ، — دېدى خەۋەرچى، — ئەھۋال ئېغىرراق، بېرىپ ئۇنىڭغا دىدارىڭنى كۆرسەتسەڭ.
— ئاۋۋال ئۆيگە كىر، ئازراق بىر نەرسە يېگىن، ئاندىن بىرگە بارايلى، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
— جانابلىرى، قېرىندىشىڭىزنىڭ ئەھۋالى ناچار، كېتىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەن ئالدىڭدا بېرىپ تۇراي، سەن ئالدۇرماي ئارقامدىن بارغىن، — دېدى ئۇ ۋە غىزالىنىشقا ئۇنىماي دەرھال قايتتى.
ئۆگدۈلمىش جىددىيلىشىپ قالدى، ئۇنىڭ دىلىنى قايغۇ چىرماپ، ھەسرىتى ئۇلغايدى. ئۇ ھەدەپ قوللىرىنى ئۇۋۇلايتتى. تېخى بەك كېچە ئىدى. ئۇ بىرئاز ياتاي دەپ بېشىنى قويدى، بىراق ئۇيقىسى قاچقاندى. بۇ كېچە ئۇنىڭغا بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. كۆزىنى يۇمۇپ باقتى، كۆزىدىن ئۇيقۇ ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ھەسرەت بىلەن خېلى ئوزۇن ئولتۇردى. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندە تاڭ قىزىرىشقا باشلاپ ئۇيقۇسىنى بەتلىدى. چىمەنزاردا بۇلبۇللار خوش ئاۋاز بىلەن سايرىدى.
ئۆگدۈلمىش سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېتنى مىندى-دە، قېرىندىشى ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئودغۇرمىشنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە سۆيۈپ كەتتى. كۆردىكى، قېرىندىشى ئودغۇرمىش جۇۋىسىنى تۆشەك قىلىپ، يېڭىنى تەكىيە قىلىپ، پۇت-قوللىرىنى ئوزۇن سونۇپ ياتاتتى.
— ھەي قېرىندىشىم، ساڭا نېمە بولدى؟! — دېدى
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ قولىنى سۆيۈپ تۇرۇپ، — سېنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېچىشىۋاتىدۇ.
— جان قېرىندىشىم، يولۇم كۆرۈنۈپ قالدى، ئۆلۈم تۇتقاقلىقى تۇتتى، كېتىدىغان ئوخشايمەن، — دېدى ئودغۇرمىش، — دىدارىڭنى بىر كۆرۈۋالاي دەپ، سېنى جاپاغا سېلىپ بۇ يەرگە چاقىرتتىم.
— ھەي جېنىم، ئونداق بولمىغۇر گەپلەرنى ئېغىزىڭدىن چىقارما، يامان خىياللارنى كۆڭلۈڭگە كەلتۈرمە. ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن كېسەلدىن خالى بولالمايدۇ. كېسەل دېگەن كىشىنىڭ گۇناھىغا كاپارەت بولىدۇ. بۇ كېسەللىك گۇناھىڭغا كاپارەت بولار. ئېيتىپ باققىنا، دۇنيادا گۇناھسىز كىم بار؟ ئادەم ئاغرىق تارتسا گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ، گۇناھىڭ ساقىت بولسا ئازابتىن قۇتۇلۇسەن. ئادەم دېگەن ئازدۇر-كۆپتۈر گۇناھ سادىر قىلىپ قويىدۇ، جاھاندا گۇناھسىز كىشى بەك ئاز. كېسەللىكمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ياخشى بولۇپ كېتىسەن. گۇناھلىرىڭ ئېرىپ ساۋاب تاپسەن. ھەي كۆڭلى تۈز قېرىندىشىم، نېمىشقا تىلىڭدىن ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان يامان سۆزلەرنى چىقىرىسەن، ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلدىڭ؟ — دەپ تەسەللى بېرىدى ئۆگدۈلمىش كۆڭلىدىكى ئازابنى زورىغا بېسىپ.
— رەببىم ئۆلۈمنى چۈشۈمدە زاھىر قىلدى، كۆرگەن چۈشۈمدە ئۆلۈمۈمنى ماڭا ئايان قىلدى. ئاللا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى، قازانى بىلدۈرمەكچى بولسا ئويقۇدا ياتقاندا بېشارەت بېرىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى ئودغۇرمىش.
ئۆگدۈلمىش جاۋابەن يەنە مۇنداق دېدى:
— بۇ گېپىڭ قانچە ياخشى بولمىدى، ھەي كۆڭلى تۈز قېرىندىشىم، كىشىلەر كېسەل بولغاندىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولسا، بۇ زېمىندا تىرىك ئادەم قالمىغان بولاتتى. ئىنسان بالىسى ھاياتلا بولىدىكەن كېسەللىك تارتىپ ئاغرىيدۇ. ئاغرىغانلارنىڭ
ھەممىسنىڭ ھاياتلىق يىلتىزى ئۆلۈم بىلەن كېسىلمەيدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئۇخلىسا چۈش كۆرىدۇ، چۈشنىڭ مەنىسىنى پەقەت چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەرلا ياخشى ئوقۇيدۇ.
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ كۆڭلىنى ئېمىن قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئودغۇرمىشقا چۈش ئىلمى ھەققىدە ئاجايىپ دانا بايانلارنى قىلدى.
— قېرىندىشىم، چۈش بىلىمنى ياخشى بىلمەك، تەبىر بەرگەندىمۇ ئېھتىيات بىلەن توغرا مەنى بېرىمەك لازىمدۇر، — دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — چۈش تەبىرى ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. ئونىڭ ھەممە شەكىللىرىنى بىلگەندە ئاندىن چۈش توغرا تەبىرلىنىدۇ. چۈش ئىلمىدىن بىخەۋەر ئادەمگە چۈشنى ئوقۇتمىگۈلۈك. چۈشنى تەبىرچىگە ئوقۇت. كېچىدە چۈشنى كۆرمىگەن تۈزۈك. ئوبدان نەزەر سالسا، چۈش ئىلمىنىڭ شەرتى بەك كۆپ. ئالدى بىلەن بۇلارنى بىلىپ ئاندىن ئەقىل يۈگۈرتكۈلۈك. چۈشكە ئادەم ئۆز خىيالىچە تەبىر بېرىۋالسا بولمايدۇ، كۆرگەنلا ئادەممۇ چۈشنى ئېيتىشقا بولمايدۇ. چۈشدۈم دەپ ھەممە چۈشنى ئۆرۈۋەرمەسلىك كېرەك. ئۆرۈمەكچى بولساق ئالدى بىلەن ئەقىلنى يۈگۈرتۈپ، قىياسەن مەنىسىنى چۈشىنىپ باققۇلۇق. چۈشنىڭ مەنىسى تەبىرگە باقىدۇ. تەبىرنى بىلمىگەندە چۈشنىڭ نېپى يوقىلىدۇ. ئاقىل، بىلىمى دېڭىزدەك چوڭقۇر كىشىلەر دەيدۇكى: چۈشكە ياخشى تەبىر بەر، چۈش تەبىرگە باقىدۇ، ئەقىل بىلەن ئويلاپ تېگى-تەكتىنى ئوبدان ئىگىلە. چۈشنىڭ نېپى قانداق مەنىگە ئىتتىرسەڭ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا چۈشنى يامانغا تارتىپ ئۆرۈمە، بولمىسا ئۆزۈڭگە زىيان كەلتۈرىدۇ.
قارايدىغان بولساق، كېچىدە كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا، كۈندۈزدە ئۇخلاپ كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى يەنە باشقا بولىدۇ. بەزى چۈشلەر باركى، يىمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك. يارمايدىغان يىمەكلىكلەرنى يىگەن بولسا چۈش قالايمىقان بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم چۈشلەر پەسىلگە باقىدۇ. تادۇسى كۆچۈپ كەتكەن بولسا چۈشمۇ شۇنىڭغا تارتىپ كېتىدۇ. ئەگەر يىل پەسلى باھار بولۇپ، چۈشگۈچى كىچىك بالا بولسا، چۈشىدە يەردىن تارتىپ ھەممە نەرسە قىزىل كۆرۈنگەن بولسا، روشەنكى، ئۇنىڭ قېنى كۆچۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇنىڭغا ئېيتىش كېرەككى، مەلۇم مىقداردا قان ئالدۇرۇۋەتسۇن. يىل پەسلى ياز بولۇپ، چۈشگۈچى يىگىت چۈشىدە سېرىق، ھال رەڭ نەرسىلەرنى ۋە ئۆزگىرىشلىك نەرسىلەرنى چۈشىگەن بولسا، سەپراسى كۆچۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇ سورگە، تەرەنجىۋىل ئىچىپ ئۆزىنى بوشىتىشى لازىمدۇر. ئەگەر ئوتتۇرا ياش كىشىلەر كۈز مەۋسۈمىدە چۈشىدە تاغ، قۇدۇققا ئوخشاش چۆڭقۇرلۇقلارنى ۋە قارا نەرسىلەرنى كۆرگەن بولسا، ھەي قېرىنداش، بۇ ئۇلارنىڭ سەۋداسىنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلار دورا ئىچىپ مېڭىسىنى ساپلاشتۇرسۇن. قىش پەسلى بولۇپ، چۈشگۈچى قېرى بولسا، چۈشىدە ئاقار سۇ، مۇز، قار، مۆلدۈرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى چۈشىگەن بولسا، ئۇنىڭ سوغۇقى ئېشىپ، بەلغىمى كۆپۈيۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇلارنى ئىسسىقلىق قىلىپ، ئىسسىقلىق دورىلار بىلەن مىجەزنى تەڭشەشكى بويىرۇغلۇق.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا بەتەرتىپ، قالايمىقان چۈشلەرمۇ بولىدۇ. بۇنداق چۈشلەرنىڭ تەبىرى يوق. كېچىدە نىمىنى ئويلىنىپ يېتىپ شۇنى چۈشىگەن بولسىمۇ، ئۇنداق چۈشلەرگە تەبىر ماس كەلمەيدۇ. يەنە بىر قىسىم چۈشلەر شەيتان چۈشىدۇر. چۈشگۈچى شەيتان بىلەن بىرگە بولغان بولسا، غۇسلى قىلماقلىق لازىمدۇر. بەزىلەر چۈشىدە كەسىپ-ھۈنىرىنى چۈشىگەن بولسا، بۇ
357
چۈشمۇ تەبىر تەلەپ قىلمايدۇ، مانا بۇلارنى بىلىش، ئەقىل يۈگۈرتۈپ توغرا پەرقلەندۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن تەبىر بېرىش لازىم. تەبىرچى ھېكىملەر شۇڭا: چۈش كۆرگۈچى ئۆزى تەبىرنى سورىسۇن. چۈشنى بىلىپ-بىلىمەي تەبىر بەرمە. چۈش دېگەن قانداق تەبىرلەنسە شۇ ياققا تارتىپ كېتىدۇ. غەم-قايغۇ چۈشسە، ئۆڭىدە شادلىق كۆرىدۇ. شادلىنىپ چۈشسە، ئۆڭىدە غەم-قايغۇ يىغلىتىدۇ.
يەنە ئوخشاش چۈشكىمۇ بىرلا خىل تەبىر بېرىشكە بولمايدۇ. چۈش ئادەمگە قاراپ تەبىرلىنىدۇ. ئادەمنىڭ چۈشى بىلەن بەگنىڭ چۈشىنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا بولىدۇ. چۈشتە خوشاللىق، ئويۇن-تاماشا كۆرسە، قايغۇ-ئەلەم يولى يېقىنلاپ قالدى، دېگەن گەپ. چۈشىدە ئەلەم تارتىپ يىغلاپ چۈشسە، بۇ خوشاللىق كۈنلىرى، ھۇزۇر-ھالاۋەت كۈنلىرىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى چۈشلەر چۈشكۈچىنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈش شۇنداق نەرسىكى، بەزىلەر چۈش كۆرسە ساغلام بولىدۇ، شۇ چۈشنى باشقىلار كۆرسە كېسەل بولىدۇ.
ھەي قېرىندىشىم، كۆردۈڭمۇ، چۈش ئىلىمىدە بۇلارنى بىلىش، ئاندىن تەبىرگە ئېغىز ئېچىش كېرەك، شۇنداقلا ئەقىلگە مۇۋاپىق تەبىر بېرگىلى بولىدۇ. قېنى ئەمدى سەن چۈشۈڭنى كۆرۈپ باققىن، مەن ئايرىپ قاراپ، تەبىر بېرىپ باقاي.
ئۇدغۇرمىش كۆرگەن چۈشنى مۇنداق سۆرەتلەپ بەردى: — بولىدۇ، قۇلاق سالغىن، مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرەي. چۈشۈمدە ئەللىك ئاخنىلىق بىر شوتا كۆردۈم. شوتا كۆك ھەم ئېگىز بولۇپ، ئالدىمغا يانتۇ تىكلەپ قويۇلغانمىش. مەن ئاخنىلارنى بىر-بىرلەپ دەسسەپ ئەڭ يۇقىرى بالداققا چىققۇچە سانىغىدەكمەن. شوتىنىڭ يۇقىرى بېشىدا بىر قاسساپ ماڭا كوزىدا سۇ بەرگەنمىش. مەن سۇنى ئىچىپ تۈگىگىچە ئىچىپ راسا
قېنىپتىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا يوقىرى ئۆرلەپ كۆككە ئۇچۇپتىمەن، بارا-بارا تېخىمۇ يوقىرى ئۇچۇپ كۆككە سېڭىپ كەتمەكتەمەن.
ئودغۇرمىش چۈشىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆگدۈلمىش بۇ چۈشكە مۇنداق تەبىر بەردى:
— ھەي ئاقىل، قارا، چۈشۈڭ شۇنداق پايدىلىق ياخشى چۈش ئىكەن، نېمىشقا بولمىغۇر تەبىر بېرىپ يۈرىسەن. چۈش دېگەن تەبىرگە باقىدۇ. ھەر قانداق چۈشتە يوقىرى ئۆرلەش، كۆككە ئۇچۇش قەدىر-قىممەتلىك بولۇشنىڭ بەلگىسى. قانچىلىك يوقىرى ئۆرلىگەن بولساڭ، ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى شۇنچىلىك بولىدۇ. چۈشتە قانچىلىك يوقىرى ئۇچقان بولسا، بەخت-دۆلەتمۇ شۇنچىلىك زىيادە بولىدۇ. سېنىڭ بەختىڭ شوتىدا يوقىرى كۆتۈرۈلگەندەك تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ، نام-شۆھرىتىڭ ئەل-ئارىسىدا تېخىمۇ ئاشىدۇ. تەبىرچىلەرمۇ شۇنداق ئېيتقان: «چۈشتىكى شوتا ئەزىزلىكنىڭ بىشارىتى، بالداقمۇبالداق كۆتۈرۈلۈش قەدىرلىك بولۇشنىڭ ئالامىتىدۇر. قانچىلىك يوقىرى كۆتۈرۈلسە، شۇنچىلىك قەدىر-قىممەت تاپىدۇ. ئۇ تەلەيلىك بولۇپ، دۇنيانىڭ بايلىقىغا ۋە بەخت-دۆلەتكە ئېرىشىدۇ.» سېنىڭ كۆزۈڭدىكى سۇنى ئېلىپ ئىچكىنىڭ، ھاياتلىق يىلتىزىڭنىڭ ئوزۇن زامان قۇرۇمايدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇچۇپ كۆككە ئۆرلەپ سېڭىپ كەتكىنىڭ، نېمە تىلىسەڭ ئاللا تىلىكىڭنى تۈگەل بېرىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.
— ھەي ھەمراھىم، چۈشۈمنىڭ تەبىرى بۇنداق ئەمەس، — دېدى ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ بەرگەن تەبىرىگە قوشۇلماي، — ئەگەر بۇ چۈشنى سەن كۆرگەن بولساڭ تەبىر سەن ئېيتقاندەك ئېزگۈ بولاتتى، چۈنكى سېنىڭ بارلىق ھىممىتىڭ بۇ دۇنيا ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيانى تىلىگەنلەر بۇ دۇنياغا ئېرىشىدۇ، مەن بولسام بۇ دۇنيادىن ئاز كەچكەن ئادەممەن. چۈشنى ماڭا باغلاپ
359
تولۇق تەبىر بېرىدۇك. ئاڭلاپ تۇرغىن، چۈشۈمنىڭ تەبىرىنى مەن ساڭا ئېيتىپ بېرەي. ئېگىز ۋاخشىلىق شوتىنى كۆرگەنلىكىم تىرىكلىكىمنىڭ ئالامىتى. شوتىنىڭ ئەڭ بېشىغا قەدەر چىققانلىقىم يېشىمنى ياشاپ بولغانلىقىم، رىزقىمنى يەپ بولغانلىقىمنىڭ بېشارىتى. شوتىنىڭ بېشىغا چىققاندا قاسساپ بە بەرگەن سۆڭەك ھەممىسنى تولۇق ئىچىۋەتكەنلىكىم، ھاياتلىقىمنى پۈتۈنلەي ياشاپ بولغانلىقىمنىڭ نىشانى. بىلىڭكى قاسساپ دېگەن ئاتالغۇلارنى ئاتىسىز قىلغۇچى، راۋاج تاپقاننى بۇزغۇچى، جانلىقلارنى تىرىك قويغۇچىدۇر. سەن كۆزىڭدىكى سۈنى پۈتۈنلەي ئىچىپ تۈگەتكەنلىكىمنى ئۆمۈرۈڭ ئوزۇن بولۇش دەپ تەبىر بەردىڭ. راست، سۇ دېگەن ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى، بىراق كۆزىڭدىكى سۆڭەك يېرىمىنى ئىچىپ، يېرىمىنى قويغان بولسام ھاياتىمنىڭ يېرىمى قالغانلىقى بولاتتى. مەن بولسام كۆزىڭدىكى سۆڭەك ھەممىسنى تۈگىتىپ ئىچىۋەتتىم. ئەقىللىق دانا ھېكىملەر ئېيتقانكى: «چۈشدە جامدىكى سۆڭەك يېرىمى ئىچىلگەن بولسا، ئۆمرۈنىڭ يېرىمى تۈگەپ، يېرىمى قەرز قالغانلىقتۇر. ئەگەر سۈنى تۈگەل ئىچىۋەتكەن بولسا ھاياتلىقى تۈگەپ، گۆرى قېزىلدى دېگەن سۆز.» دانالارنىڭ سۆزى دېگەن سۆزلەرمنىڭ ئاساسىدۇر. مېنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشۈم، ئاندىن يېشىل كۆككە ئۆرلەپ سىڭىپ كېتىشىم سۆزۈك جاننىڭ نۇرلۇق بەدەندىن قورغىنىدىن چىقىپ، يەنە ئەسلى ماكانىغا قايتىپ، كېلىمىسكە ئۆچۈپ كەتكەنلىكىدۇر.
دېمەك، ئاللا ماڭا چۈشۈمدە بېشارەت بەردى. ئەمدى ئۆلۈمگە ھازىرلىناي. مېنىڭ چۈشۈمنىڭ تەبىرى مانا شۇ، بۇنىڭدىن باشقا مەنىسى يوق. سەن كۆڭلۈمنى ياساپ تەسەللى بېرىۋاتىسەن، لېكىن ئۆلۈم ئۆدۈللەپ كەلگەندە دورا-دەرمان بىھاجەت. ھەي كۆڭلى تىرىك قېرىندىشىم، نەزەر سالغىن، ئۆلۈم قورغور يەرلەرنى ئۆتمۈتۈشۈك گۆر قىلىۋەتتى. ھەيھات، شۇنچە بۈيۈكلىك قەسر،
ئوردا-سارايلارنى ئۆلۈم ۋەيران قىلىپ خارابىگە ئايلاندۇردى. قاراپ باق، قانچىلىغان مەغرۇر، جەسۇر، بۈيۈك بەگلەرنى ئۆلۈم يەرگە تىقۋەتتى. نى-نى كۆشتۈڭگۈر ئوغلانلارنىڭ يىغىپ توپلىغانلىرىنى ئۆلۈم پاكپاكىز چېچىپ تۈگەتتى. تۇغۇلغان ئىنسان بالىسىنىڭ ئۆلمىكى تالاش قالمايدىغان ئىش ئەمەس. بارلىق نەپەس ئالغۇچىلارنىڭ ئۆلمىكى قانۇنىيەتتۇر. ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۆلگۈچى ئۆزىنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ لاپ ئۇرۇيدۇ، ھەتتا ئۆلۈمنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن كۆپۈچكە كۆزى قىيمايدۇ. ئۆلۈم دېگەن قانۇنىيەت، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. بىراق ئۆلۈمدىن كېيىنكى تەقدىرىم قانداق بولاركىن، مېنىڭ غېمىممۇ شۇ. ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلىرىمنى تەقدىرىم ئۆزى ئوخشار.
بارغا قانائەت قىلىپ كۆڭلۈمنى ئۆتكۈزدۈم. راھەت-مېھنەتلىرىممۇ ئۆتۈپ، تۈنۈمنى يورۇتتى. قولۇمنى قىسقا تۇتۇپ، ئاۋار توپلاشقا قول ئۇزاتمىدىم، ھاۋايى-ھەۋەسكە ھەم دىل قويمىدۇم. بۈگۈنكى كۈننى يېتىپ كېلىشىنى بىلگەچكە يۈكۈمنى يەڭگىللىتىپ، گۇناھلاردىن ساقىت بولۇش ئۈمىدىدە ياشىدىم. بىر ئالىم كۆيۈمچانلىق بىلەن تەلىم بېرىپ شۇنداق دېگەن ئىكەن: «غاپىل بولما، تىرىشىپ يۈكۈڭنى يەڭگىللەت، ئۆزۈڭنى روسلا، يولۇڭ ئالدىن نازۇكتۇر. ئۇخلاپ ياتما، مېھنەت بىلەن ئىشلىرىڭنى تۈگەت، كېتەر چېغىڭدا مېھنەتلىرىڭنى ئۆزۈڭدىن يۇيۇۋەت.»
ھەي كۆڭلۈمدىكى بۇرادىرىم، مەن كېتەر بولدۇم. ئارقامدىن سوڭدىشىپ سەنۇ بارسەن. كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا كۆيۈمچانلىقىمنىڭ نىشانى ئۈچۈن ئازراق سۆزۈمنى يادىكار قالدۇراي. ئۇ مەندىن ساڭا قالغىنى بولۇپ قالسۇن. ئۇ قېرىندىشى ئۆگدۈلمىشكە بولغان مېھرىبانلىقى ۋە
ئايرىلىشقا قىيماسلىق ھېسسىياتى بىلەن ئاخىرقى تىنىقىدا قۇتلۇق نەسىھەت دۇردانىلىرىدىن بىباھا مىراس قالدۇرۇپ كەتكۈچى بولدى.
* * *
— ھەي قاياشىم، ئاگاھلاندۇرۇشۇم بولسۇنكى، غاپىل ياشىمىغىن، — دەپ نەسىھەت رىشتىسىنى سۆز دۇردانىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بايان قىلىشقا باشلىدى ئودغۇرمىش، — قىممەتلىك ھاياتىڭنى، ئۆمۈر بوستانىڭنى مەنىسىز ئىشلار ئۈچۈن خازان قىلمىغايسەن. توغرا بول، دۇرۇس يولۇڭدىن ئاداشما. توغرا يول مۇرات-مەقسىتىڭگە يەتكۈزىدۇ. بارچە جانلىقلارغا مېھرىبان بول، كۆڭلۈك بىلەن تىلىڭنى رۇس تۇتۇپ ئاللاھقا تېۋىن، غەمنى ئاز قىلىپ، كۆپرەك ئىبادەت قىل. جىددىيلەشكىنىڭدىمۇ تەسكىن بول، غەزەپلەنگىنىڭدىمۇ مۇلايىم بول. ئۆلۈمنى ئۇنتۇما، ئۆنۈڭگە تەييار تۇر، ئەسلىڭنى بىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇنتۇما، دۇنياغا ھېرىسلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى بولغىما. دۇنيا قالىدۇ، سەن ئۆلگەن بىلەن يىغلاپ كېتەرسەن. بېشىڭغا نېمە كەلسە ئېگىرمەي كۆتۈر، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بول. راست سۆزلە، ۋەدەڭدە چىن ۋە ئىشەنچلىك بولسۇن، يالغان ۋەدە قىلماق نادانلىقتۇر. ئوچۇق چىراي، تاتلىق سۆزلۈك، ئىزگۈ قىلىقلىق بول. شۇندىلا دەۋر كۈلۈپ باقىدۇ، بەخت ئىشىكىڭنى قاقىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى ئاچماي يوشۇر، ۋۇجۇدۇڭنى ئەگرى يولدىن توس. ئۆزۈڭنىڭ پايدىسىنى كۆزلىمە، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى سۆزلە. خەلققە ئېغىرىڭنى كۆتۈرتمە، خەلقنىڭ ئېغىرىنى سەن كۆتۈر. مال-دۇنيايىڭ بولسا ئۆزۈڭنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ خەلقنى سۆيۈندۈر. ئادەمنىڭ ئەڭ ئېسىلى باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ، ئۇلۇغ ساۋاب تاپىدۇ. ئادەملەرنىڭ سەخىي، كاللىسى ئۆتكۈر،
ئەقىللىق، بىلىملىك بىر زات شۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە پايدىلىق ئادەم ئادەملەرنىڭ سەراخىلىدۇر. كۆيۈمچان ئادەم خەلقنىڭ ئەڭ ئۆلۇغىدۇر . »
ئادەمىيلىك نام ئىككى نەرسىدىن ئىبارەتتۇر. بىرى، خەلققە مېھرىبان بولۇش، يەنە بىرى، سېخىيلىق بىلەن قولىنى ئوچۇق قىلىشتۇر. ئەقىل بىزگە تېخىمۇ ياخشى مەسلىھەت بېرىدۇ: سېخىي دېيىشىدۇ، ھەقىقىي سېخىي كىم؟ سېخىي دېگەن جېنىنى پىدا قىلىپ ئەلنىڭ ھەققىنى ئۆتەنگەن ئادەمدۇر. كۈمۈش ئۈلەشتۈرسىلا سېخىي دېگىلى بولمايدۇ، ھەقىقىي سېخىي جېنىنى خەلق ئۈچۈن تەسەددۇق قىلغۇچىدۇر. ئەقىل يولى بىلەن ماڭسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. دۇنيانىڭ شان-شۆھرىتىمۇ ئىككى نەرسىگە باغلىق بولىدۇ. بىرى، مال-دۇنيا، يەنە بىرى، يۈز-ئابرويدۇر. بۇ ئىككىسىگە ئېرىشىپ مىڭ يىل ياشىسىمۇ ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە ئىشلار ئىرادىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بەگ تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ. ئۆزۈڭگە پۇختا بولساڭ يۈكەڭ چىڭ تارتىلىدۇ. مانا بۇ دۇنيا ۋە خەلقنىڭ قىممەت دەرىجىسى. بۇنىڭغا ئېرىشمەك تولىمۇ مۈشكۈل، بۇ دەرىجىگە يەتكۈچە بەگلەردىنمۇ قېرىلىق يېتىدۇ.
ئۆزۈڭنى كۆچمەن ھېسابلا، چۈنكى ئىنساننىڭ ئەسلى ماەىيىتىمۇ كۆچمەنلىكتىندۇر. ئاخىرى سېنى كۆچۈرگۈچى كۈنمۇ يېتىپ كېلىدۇ. كۆچمەن ئوردا-سارايلى سالمايدۇ، يولۇچى دېگەن يولدا مەڭگۈ قالمايدۇ. ئۆزۈڭنى مەڭگۈ يولۇچى ھېسابلا، تولا قاش ئوينىتىپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ كەتەمە. ۋۇجۇد ئۆلۈشكە يارالغان، لېكىن قارايى ئېنىق ئەمەس. دۇنيا ئۆتكۈنچى، ساڭا باقىي ئەمەس. ئۆلۈم تىرنىقى دائىم تەييار تۇركى، غەپلەتتە يۈرگىنىڭدە قارمىقىغا ئىلىنىسەن. دۇنيانى بىر مەچۈك ھېسابلا، بۇ يەنى پۈتۈن يېپىلىگەنلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ نامىنى ماڭا ئېيتىپ باققىن، مەن ئېيتىپ بېرىلەمدىكەنمەن.
363
ھاياتلىقنىڭ جىمى ھاۋايى-ھەۋىسىنى يىغىپ، سېنى قۇرۇق ئارزۇلارنىڭ شېكىرى بىلەن پەرۋىش قىلىدۇ-يۇ، ئارقىدىن ئوغا بېرىدۇ، مانا بۇ ۋاپاسىز بەختنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى. تەقۋادارلار بىلىپ: «ھەي دەۋلەتمەن، ئېھتىيات قىل، جاپاكار دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە، بۇۋاپا بەختنى قوغلىشىپ يولدىن ئاداشما. دۇنيا، دۆلەت بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. ئۇ بىر يەردە مۇقىم تۇرمايدۇ، دائىم ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ» دېگەن.
ھەي ئىلمى دەريادەك قېرىندىشىم، دىنىڭنى ئەزىز تۇت، دۇنيانى خار. دىنىڭ سېنى ئەزىز قىلغۇچىدۇر. پۈتۈن ئەس-يادىڭ خۇدا يادى بىلەن بولسۇن. ھۇزۇر-ھالاوەتكە مەپتۇن بولۇپ سۆيۈنۈپ كەتمە، ئۆزۈڭنى تۇت. بەخت-دۆلەت سېنى مەست قىلمىسۇن، مەستلىكنىڭ يېشىلىشىدە قىلغان ئىشلىرىڭدىن كۆزۈڭ ياشقا تولىدۇ. سۆزنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن بىر ئەقىللىق خەلق بېگى شۇنداق دېگەن: «كىمكى بېشىغا دۆلەت قونۇپ مەست بولغان بولسا، قورقۇپ يەر تەگىدە نالە پەريادتىن يۈرىكى يېرىلىدۇ. مەستلىك كىمنى ئۇلۇغلۇقىغا تەمەننا قىلدۇرسا، قارا يەر تەگىدە ئازابنى تېتىيدۇ. ياشلىق، بايلىق، بەخت مەستلىكى شاراب مەستلىكىدىن بەتتەردۇر. شارابخور شاراب ئىچىپ مەست بولسا، بىر ئۇخلاپ قوپسا مەستلىكى يېشىلىدۇ. دۆلەت شارابىدىن مەست بولغان بولسا، ئۆلۈم تۈگىمىگىچە مەستلىكىدىن ئويغىيالمايدۇ. نامىڭ قۇل ئىكەن، ئۆزۈڭنى قۇللۇقنى قىل، بەگلەرنىڭ ئىشىنى قىلما. ئۆمۈرمۇ ئوزۇن ئەمەس، ئۇلۇغلۇقنىڭ شاۋقۇنىمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ. ئەگەر نەچچە مىڭ يىل ياشىغان تەقدىردىمۇ بىر-بىرىگە تۇتاشقان ۋۇجۇدۇڭ ئاخىر پارچىلىنىپ كېتىدۇ. » بۇ سۆزگە تەقلىدەن مۇنداق بىر ئىبرەتلىك سۆز ئېيتىلغان: «ئارزۇ-تىلەكلەرىڭگە يېتىپ تۈگىمىگەن نازۇ نېمەتلەرنى يېگەن بولساڭمۇ، ئابھاياتتىن قانىپ ئىچكەن بولساڭمۇ، قولۇڭنى سۇنۇپ ئاسمان گۈمبىزىنى تۇتساڭمۇ، بېشىك
364
ئاسمانغا تاقاشقان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە تۇرۇدىغان يېرىڭ يەنىلا قارا يەر تېگى بولىدۇ.»
مەن كۆڭلۈمدىكىنى يوشۇرماي دېدىم، ھەي قېرىندىشىم، توغرا، سەندىن نېمىشقا يوشۇراي، ئىنسان قانداقمۇ بۇ دۇنيانىڭ مېلىنى ئارزۇ قىلمىسۇن؟! تۈرلۈك نازۇنىمەتلىرىنى، ساھىبجاماللارنىڭ يېقىملىق قىلىقلىرى ۋە نازلىرىنى نېمىشقا سۆيمىسۇن؟! مېنىڭ بۇ نېمەتنى تەرك ئېتىشىمدىكى بائىس شۇكى، ۋاپاسىز دۇنيا بۇ ئىشىكنى ماڭا ياپقان. دۇنيانىڭ ھېرسىمەنلىكى ئادەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇدىكەن، ياخشى ئىشلارنى قىلغۇزمايدىكەن. ئالىملار مانا شۇ تەشۋىش سەۋەبىدىن دۇنيانى تەرك ئېتىپ، مۇشەققەت يۈدۈپ جاھان كېزىپ يۈرىشىدۇ. بەزىسى تاغلارغا چىقىپ ئۆڭكۈرنى ماكان قىلغان، يېمىكى ئوت-چۆپ، ئىچىملىكى يامغۇر سۈيى. بەزىلىرى خۇدادىن قورقۇپ، ھەسرەت چېكىپ باياۋانلاردا كېزىپ يۈرىشىدۇ، بەزىلىرى تاماق يېمەستىن ئۆزىنى جۇداتىدۇ، بەزىلىرى كېچىسى ئۇخلىماي تىك ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزىدۇ، يەنە بەزىلىرى بېلىنى مۇكچەيتىپ جەندە كىيىپ يۈرىشىدۇ، بەزىلىرى كۆزلىرىگە ياش تولۇپ جاھان كېزىشىدۇ. ئويغانغان كىشىلەرنىڭ يۈرۈشى شۇ. بىز بولساق غەپلەتكە باش قويۇپ ئۇخلاپ ياتماقتىمىز. ھەي قېرىندىشىم، دۇنيا سېنىڭ قۇلىقىڭغا ئۆتۈپ باش بولۇۋالدى. سەن ئەمدى ئۆزۈڭنى بەك كۆزەتكىن. ئەرلىكنىڭ بەلگىسى، ئەقىل نىشانى شۇكى، ھاۋايى-نەپسىڭنى بېسىپ، ئەقىل بىلەن نەپسىڭ بوينىنى كەسسۇن. ھاۋايى-ھەۋىسىنى ۋە نەپسىگە قۇل بولغان كىشى كۈچىنى خورىتىدۇ ۋە ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
مەن ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ كەتكەلى تۇرۇۋاتىمەن، سېنىڭمۇ بارىدىغان يولۇڭ شۇ، ياخشىلىق بىلەن بارغىن. يامانلارغا قېتىلما، ئىش-ھەرىكىتىڭنى دۇرۇس قىل. يامانلىق ھەر ئىككى دۇنيادا پالاكەت كەلتۈرىدۇ. ئۆلۈمدىن ئاۋۋال ئىشلىرىڭنى
365
پۈتتۈرگەن. ھەر ئىشتا پىشقان بىر كامىل كىشى شۇنداق جاكار قىلغان: ھەي بۇغرا تۆگىدەك قۇتۇرغان كىشى، يامانلىقىڭنى تاشلا، يامانلىقنىڭ نېسىۋىسى ئاخىرى زەھەر بولىدۇ. ھەي يولغا پاتماي كىبىرلىپ غادايغۇچى، خەلقنىڭ ئۆكتىمى، ئۆلۈم پات ئارقىدا يېتىپ كېلىدۇ، ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامال-چارىسىنى قىل. ھەي مەنمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرغۇچى، «مەن»نى قوي، ئۆلۈمگە ھازىرلان، ئۇ «مەن»نى چاقىرىۋاتىدۇ. ھەي ئاچ كۆز، تەمەخور، دۇنيا قۇلى، ئۆلۈم سېنى تۇتۇشقا خىرس قىلماقتا.
ھەي قېرىندىشىم، مەن ئىككى ئىشتىن ئېچىنىپ ھەسرەتتە كېتىدىغان بولدۇم، بىرى، ھەق ئۈچۈن قىلىدىغان تائىتىمدىن قالىدىغان بولدۇم. يەنە بىرى، ئاللانىڭ نامىنى تىلىم بىلەن زىكرى قىلالمايدىغان بولدۇم. بۈگۈن، ئەتە كۆزۈم يۇمۇلسا، دۇئايىڭلارغا موھتاج بولىدىغان بولدۇم، دۇئادا مېنى ئۇنتۇپ قالما. مانا مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن. بۇ ھال ساڭا ئىبرەت بولۇپ، داۋاسىنى تاپسەن. مانا مېنى ئۆلۈم ئېلىپ كەتكىلى كەلدى، ھەسرەت بىلەن كېتىدىغان بولدۇم. ئىشەنگىنكى، مەندىن كېيىن ساڭىمۇ كېلىدۇ. بۈگۈن سەن بىلەن ھەسرەت بىلەن خوشلىشاي، يەنە كۆرۈشەلەمدۇق-كۆرۈشەلمەمدۇق بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. بىرى ئۆلۈش ئالدىدا بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ شۇنداق نالە قىلغان: «پۇشايمان بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم، كۆز يېشىم بۇلاق بولماقتا. بۇ ئۆلۈم بارلىق شىرىنلىكىمنى زەھەر قىلىدىغان بولدى. ئۆلۈمدىن كېيىن مېنى ئىككى يول كۈتۈپ تۇرماقتا. بىرى، جەننەت، يەنە بىرى، جەھەننەم. بۇنىڭدىن قايسىسىغا توغرىلىنارمىكىن؟»
ھەي مېھرىبان قېرىندىشىم، ساڭا لازىملىق سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى دېدىم، مېنىڭ زارىم ئۈچۈن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ يىغا-زار قىلىپ روھىڭنى چۆشۈرمە. سەۋىرچان بول، جۈرئەتلىك بولۇپ كۆڭلۈڭنى باسقىن، دۇئا بىلەن
بولساڭلا بولدى. بۇ دېگەن ئاللانىڭ ھۆكمى، باشقا سۆزنى قىلغۇلۇق ئەمەس. ماڭغىن، ئەھمەدى قوپۇپ ئۆيۈڭگە بارغىن. غەم-قايغۇ بىلەن ئۆزۈڭنى ئازابقا سالما، سۆزلىرىمنى ئۇنتۇمىساڭلا بولدى. ئىلكىڭگە مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قوي، بەلكىم بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سالىمىمدۇر.
ئودغۇرمىش سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كۆزىدىن بولاقتەك ياش تۆكتى.
— مەن سېنى يالغۇز تاشلاپ قانداقمۇ قايتىپ كېتەلەيمەن، — دېدى كېتىشكە كۆزى قىيمىغان ئۆگدۈلمىش، — كېسىلىڭ شۇنچە ئېغىر تۇرسا، يالغۇز قانداق قىلىسەن؟
— ئەھمەدى كەتكىن، مەندىن ئەنسىرىمە، — دېدى ئودغۇرمىش يەنە، — مەن ئۈچۈن ئىگەمنىڭ يادى كۇپايە، ئۇ ماڭا تەسەللى بەرگۈچى ئەڭ يېقىن ھەمراھىمدۇر. تەڭرىم ھەرگىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپ تاشلىۋەتمەيدۇ، ئىشلىرىمنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ. ئاللا كىمنى ئۆزىگە يېقىن كۆرۈپ ئەزىز قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى يۈرۈشىدۇ. بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتۈپ، كۆزى ئېچىلغان كىشىلەر شۇڭا: «خۇدا كىمگە يار-يۆلەك بولۇپ ئىنايەت قىلسا، ئىككى دۇنيا ئۇنىڭغا بېقىپ بەخت تاپىدۇ. ئاللانىڭ پەزلىگە نائىل بولغان ئادەمنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىقتا ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئاللا كىمنى تاشلىۋەتسە، ئۇ ئىت بولامدۇ ياكى بۆرە بولامدۇ ئوخشاش كۈنگە قالىدۇ» دېيىشكەن.
ئودغۇرمىش گېپىنى توختاتتى ۋە ئۆگدۈلمىشنىڭ ياشلىق كۆزىگە قاراپ ئۇنى قايتىپ كېتىشكە ئۈندىدى:
— ماڭغىن، ئەھمەدى قايتىپ كەت، سالامەت بول، كۆزۈڭدىن ھەرگىز ياش تۆكمە.
ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۇردى، ئودغۇرمىشنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويۇپ، قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئۇ يۈرەك-باغرى بولغان
ئودغۇرمىشتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئىلاجسىز خوشلاشتى.
* * *
تۆگىدۆلمىش يىغلىغان پېتى ئودغۇرمىشنىڭ قېشىدىن چىقىپ، ئېتىنى مىنىپ ئۆيىگە راۋان بولدى. ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېتىدىن چۈشتى. ئونىڭ ۋۇجۇدىنى قايغۇ - ئەلەم تورى چېرمىۋالغان ئىدى. ئۇ سولغۇن ۋە خاپا ھالدا ئۆيىگە كىردى.
ئىنسان دېگەن نېمانچە ئاجىز بىچارە - ھە! خۇشاللىقى ئاز، پۈتۈن ھاياتى قايغۇ - ئەلەم بىلەن ئۆتۈدىكەن. تىلەككە يەتسە شادلىنىپ كۈلىدۇ، ئەلەم تارتسا ھەسرەتتە يىغلاپ ئۆتۈدۇ، سۆيگىنىنىڭ ۋىسالىغا يەتسە سۆيۈنۈپ كۈلىدۇ، جۇدالىق يەتسە قايغۇدا ئۆرتىنىدۇ، بەزىدە ۋىسال ئۆمىدى بىلەن بەزلەنسە، بەزىدە پىراق ئازابى بىلەن يىغلايدۇ. دۇنيادا پىراقتىنمۇ قاتتىقراق نېمە بار، پىراق ئازابى دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر. تىرىكلىكتىكى جۇدالىق قانچە ئېغىر بولمايدۇ، چۈنكى ئۈمىدەپ، ئاختۇرۇپ قايتا قوۋۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەر قانداق پىراق ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن ۋە قاتتىق پىراق ئۆلۈمدۇر. ئۆلۈم جۇدالىقىلا ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. ئۆلۈمنى قورال بىلەن توسۇپ قېلىشقىمۇ ئامال يوق. بۇ بېيىتنى ئوقۇساڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇقۇسەن:
ھەممىدىن قاتتىقراق ئۆلۈم ئول پىراق، تۆكەر ياش پىراقنى كۆرۈچى قاراق. قوشۇلماق ئۈمىد بار ئايرىلسا تىرىك، ئۆلۈچى ۋىسالدىن ئۇ شەكسىز يىراق.
ئۆگدۈلمىش بىرئاز دېمنى ئېلىۋېلىپ غىزالاندى. غىزادىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ نامىزىنى ئادا قىلدى. قۇياش بېشىنى يەرگە قويۇپ يۈزىنى يوشۇردى، پەلەك گۈمبىزى قۇياش ئىزىنى باستى. ئۆگدۈلمىش تۆشەك سالدۇرۇپ ياتتى. قايغۇ-ھەسرەت ئۇنىڭغا ئۇيقۇ بەرمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى. دۇنيا يۈزى ھەبەش يۈزىدەك قارا رەڭگە كىرگەن ئىدى. ئۆگدۈلمىشنىڭ كۆز يېشى مەڭزىنى يۇيدى. ئۇ قايتىپ كىرىپ يەنە تۆشەككە كىردى. بىرئاز تەسەللى تاپقاندەك بولدى، بىراق يەنىلا ئۇيقۇسى كەلمىدى، قوپۇپ ئەتراپقا نەزەر سالدى. ئۆكەر يۇلتۇزى تۆۋەنگە قىسىلىپ تالدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى. ئۇ كۆزىنى كۆككە تىككىنىچە خېلى ئۇزۇن تۇردى. قارا تۈن تېخى يورۇيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنە كىرىپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. بىرئازدىن كېيىن ئويغىنىپ كۆككە باقتى. شەرق تىن قاراقۇش يۇلتۇزى يوقىرى كۆتۈرۈلگەن، دۈشمەن ئوت كۆتۈرگەنئىدەك يېلىنجىغان ئىدى. يەتكەن① يۇلتۇزىمۇ بېشىنى كۆتۈرگەن، يىلدىرىق يۇلتۇزى ئايغىرغا توغرا ئېگىلگەن ئىدى. ئىرېنتىر بېشىنى يەرگە قويۇشقا تەمشەلدى. قۇياشمۇ يەردىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، يورۇق يۈزىنى ئاچقلى تۇردى. ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، كېيىنكىدىن كېيىن بامدات نامىزىنى ۋە دۇئائى ئەۋرادىنى تولۇق ئادا قىلدى. بۇ ۋاقىتتا دۇنيا يۈزى ئالتۇن رەڭگە پۈركەندى، ئاسمان يۈزى ئوت يالقۇنىدەك قىزاردى. ئۇ تېزدىن تونىنى كىيىپ، ئېتىغا مىنىپ قەسرگە باردى. ئاتتىن چۈشۈپ جىددىي قىياپەتتە ئورداغا كىردى. ئۆگدۈلمىشنىڭ كەلگەنلىكىدىن ۋاقىپلانغان ئىلىگ ئۇنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بەردى. ئۆگدۈلمىش زورىغا ئۆزىنى
① يەتكەن — چولپان گېپىق ياكى يەتتە قاراقچى يۇلتۇزى.
369
تۆتۆۋېلىپ، تەمكىنلىك بىلەن ئىگىنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. كۈنتۇغدى ئىلك ئۆگدۈلمىشنىڭ روھى ھالىتىدىكى سولغۇنلۇقتىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولغانلىقنى پەملىدى بولغاي، ئۆگدۈلمىشتىن سورىدى:
— ھەي تەمكىن ئوغلۇم، ئەھۋالىڭ قانداقراق، بەك غەمكىن كۆرۈنىسەن. قوشۇماڭنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن كۆڭلۈڭنى ئېغىر بىر يۈكنىڭ بېسىپ تۇرغانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. ماڭا ئېيتقىن، ئانار دەك مەڭزىڭ نېمىگە بۇنچە سارغىايدى، دۇنيا ساڭا قانداق كۈلپەتلىرىنى يۈكلىدى؟ بەختىڭ تېخى سەندىن يۈز ئۆرۈگىنى يوق، ئاپاسىز دۇنيانىڭ چېھرى ساڭا تۈرۈلگىنى يوق. پەلەك چاقى سەن ئۈچۈن يەنىلا ئوڭ ئايلانماقتا. ئاي، كۈن ۋە زامانلارمۇ سېنىڭ ئىختىيارىڭچە ئايلانماقتا. مەنمۇ ساڭا قاش-قابىقىمنى تۈرۈپ باققىنىم يوق، ھەر دائىم سۆيۈنۈش بىلەن خوش چىراي مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن. ساڭا كىم مۇنداق قايغۇ-ئەلەم تاشلىرىنى ئاتتى، بۇنداق ۋاقىتتا ساڭا نېمە دېگەن كۈلپەت بۇ؟! قېنى ئېيتىپ باق، مەنمۇ خەۋەر تاپاي. ئەگەر ساڭا مۇشەققەت قايغۇسى يېتىپ قالسا، مېنىڭ كۆڭلۈم قانداقمۇ خوشاللىقتا ئۆتسۈن؟
ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئىلىككە ئۆدغۇرمىشنىڭ قېشىغا بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن گەپ-سۆزلەرنى ۋە ئۆدغۇرمىشنىڭ ئۆزىگە قىلغان نەسىھەتلىرىنى، ئىلىككە يوللىغان سالاملىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
كۈنتۇغدى ئىلك ئۆگدۈلمىشتىن ئۆدغۇرمىشنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆزىگە لىق ياش ئالدى. ئۇ:
— ۋادەرىخا، ئەجەب ياخشى زات ئىدى. تەڭرى ئۇنىڭ جېنىنى ئامان قىلسۇن، قېنى ۋە تېنىنى قورۇتمىسۇن، — دېدى ۋە ئارقىدىن يەنە سورىدى، — ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
370
قانداقراقكەن، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كېلىشكە قانداق كۆڭلۈك ئۇنىدى؟ ئۇنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ، كېسىلىنى كىم كۆرىدۇ، ئۇ كېسەل ئەھۋالدا قانداقمۇ يالغۇز ياتىدۇ، ئۇنىڭ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپ كىمگە تاشلاپ قويدۇڭ، نېمىشقا سەۋر قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىدىڭ؟
— ھەي ئىلىمى دەريادەك بېگىم، مەن ئۇنىڭغا سەن دېگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېدىم، — دېدى ئۆگدۈلمىش جاۋابەن، — گېپىمگە كۆنمەي مېنى قايتۇرۇۋەتتى. گېپىنى رەت قىلىپ باقتىم، بىراق ئىلاج قىلالمدىم.
— تەڭرى ئۆزى خەۋەر ئالغاي، شىپالىق بېرىپ ئورنىدىن تۇرغۇزغاي، — دېدى ئېلىگ، — ئۇ پۈتۈن پىكىر-خىيالىنى ئاللاغا بېغىشلىغان، ئاللا ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى زايە قىلغاي. قايسى بەندە ھەممىدىن يۈز ئۆرۈپ ياراتقان ئىگىسىگە سېغىنسا، شۈبھىسىز ئۇنى ئاللا ئۆزى ساقلايدۇ، ئارزۇسىغا قاندۇرۇيدۇ ۋە ياخشى ئاتاققا ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان مۇنداق بىر سۆز بار: «ھەممىدىن كۆڭلۈڭنى ئۈزۈپ ئاللاغا سېغىنغىن. كۆڭۈل، تىلىڭنى ئېرىغ تۇتۇپ، يامان ئىش-ھەرىكەتتىن يارغ بول. ئاللا بارلىق تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزگەي. شەيتاننىڭ ئۈستىدىن غالىب كەل، ئۆزۈڭنى ئاللانىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇر.»
كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆگدۈلمىشكە يەنە مۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلدى:
— ئۆگدۈلمىش، غەم-قايغۇ بىلەن مۇنداق چاپا يۈرمە. راست، ئۇ ياخشى كىشى ئىدى، ياخشىلارنىڭ سەردارى ئىدى. ئەگەر ئۆلۈم-يېتىم يېتىپ قالسا، ئاللا ئىشنى ئۆزى ئوخشايدۇ. بۇ ئىش ئەتە-ئۆگۈن بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كېلىدۇ. ھاياتىمىز قانداق ئۆتتى، نېمە ئىشلارنى قىلدۇق؟! يىگىتلىكىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزدۇق. تېنىمىز، دىلىمىز، پاراسىتىمىز ياماندىن يامان ئۆتتى، ئىسىت. ئۆتكەن ھاياتىمىز بۈگۈن چۈشكە ئايلاندى.
371
ئۆمرىمىز قانداق ئۆتكەن بولسا، شۇنىڭغا يارىشا جاۋاب قايتىدۇ. ئەمدى قالغان ئۆمرىمىزنى بىھۇدە زايە قىلماسلىقىمىز، قۇرۇق ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە كۆڭۈل بەرمەسلىكىمىز لازىم. قانداقلا قىلايلى ئاخىرى بىزگىمۇ ئۇ ئاچچىق ئۆلۈم بار. ئۆلۈمدىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن. سەن بۈگۈندىن كېيىن سىرتتىكى ئىشلارغا ئوبدان كۆز-قۇلاق بولۇپ قارا، مېھرىبانلىق بىلەن خەلقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. مېنى ۋە ئۆزۈڭنى كېيىنكى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان، ئاللا ئەجرىڭ ئۈچۈن ياخشى يول بېرىدۇ. بىر مېھرىبان كىشى شۇنداق تەربىيە قىلغان: «كۆزۈڭنى ئاچ، كىم ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق يانىدۇ. ئاللا بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر. كىم يامانلىق قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. يامانلىقنىڭ مۇكاپاتى يامانلىقتۇر. يامانلىق قىلىشنى خالىمىساڭ، ماڭ يامانلىق قىل. بىلىپ قويكى، يامانلىقنىڭ ئاخىرى ئۆزۈڭنى يىغلىتىدۇ.»
— ئالىيلىرى ماڭا شۇنچىلىك مەدەت بەرگەن يەردە، خەلققە يۈرگۈزگەن قانۇن چوقۇم ياخشى بولىدۇ. ئاللا بۇ بەگلىكىنى يۆلەيدۇ. ئىلىگ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەيسەن، بەخت-سائادەت ساڭا قۇت ئاتسۇن. ئىلىگ ئۈچۈن پۈتۈن جېنىم ۋە تېنىم پىدا بولسۇن. ئۆلۈم سەپىرىدىكى بەندىلەر ئۈچۈن ياخشى نامدىن ئۆزگە نېمە بار؟ ئاللا ياخشى نامنى نېسىپ قىلسۇن. ئۆلۈم توتقىلى ھازىر تۇرۇپتۇ، ئۆزۈڭ غەپلەتتە ياتمىغايسەن. بىلىملىكلەر ئېيتقاندەك: يوشۇرۇن ئەجەل بۆكتۈرمىدە كۈتۈپ تۇرىدۇ. ھاياتتىن مەمنۇن بولۇپ تۇرمۇشتا تۇرغاندا، بىتۇيۇق باسىدۇ. پۈتۈلگەن ئەجەل يېتىپ كەلگىنىدە ياخشى-يامانلارنىڭ ھەممىسى قارا يەر تېگىگە كىرىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش.
— ئاللا ماڭا تەۋپىق بەرسە، بۈگۈندىن ئېتىبارەن توغرا قانۇن ئورنىتىمەن، — دېدى ئىلىگ تەمكىنلىك بىلەن.
ئىلىگ سۆزىنى ئۈزگەندىن كېيىن ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن
تۇرۇپ قايتىپ چىقتى. ئۆگدۈلمىش غەم-ئەندىشە ئىچىدە بىر قانچە كۈن سەۋر قىلىپ يۈردى. قېرىندىشىنىڭ ھەسرىتى ئونى قايغۇغا سېلىپ خېلىلا جۈدەتكەن ئىدى. ئاخىرى ئونىڭ سەۋر قاچىسىمۇ تولدى. ئۇ خاتىرجەم تۇرالماي قېرىندىشى ئودغۇرمىشنى يەنە بىر يوقلاپ، كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۆدۈل ئىلىگنىڭ قېشىغا ئىجازەت سورىغىلى باردى. ئىلىگنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئونىڭ قېشىغا كىردى:
— ئىلىگ، مەن بۈگۈن قېرىندىشىمنىڭ قېشىغا بېرىپ يوقلاپ كەلسەم دەيمەن، ئىجازەت بولسا ئونىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراقتۇر، قېرىندىشىم ھاياتمۇ، كۆرۈپ كەلسەم، — دەپ ئۆتۈندى ئۆگدۈلمىش.
— بېرىپ كۆرۈپ كەلسەڭ ياراملىق ئىش قىلغان بولسەڭ. قېرىنداشلىق ۋە يېقىنلىقنىڭ ھەققىمۇ شۇ، بارغىن. مەن ئۈچۈن ئەھۋال سوراپ قويغىن. كېسىلىنى كۆرۈپ كۆڭلىنى كۆتۈرگىن.
ئۆگدۈلمىش ئىلىگكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن «ئەھلە» دەپ ئوردىدىن قايتىپ چىقتى. ئۆيىگە كېلىپ بىر ئاز ئارام ئالدى. ئازراق غىزالانغاندىن كېيىن، ئېتىنى مىنىپ قايغۇ ۋە ئەندىشە بىلەن قېرىندىشى ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا يۈرۈپ كەتتى. ئۆڭكۈرگە يېقىن قالغاندا ئاتتىن چۈشۈپ، پىيادە مېڭىپ ئۆڭكۈر ئىشىكىگە كېلىپ، كىرىشكە ئىجازەت سورىدى.