تىزىملىك
تىل تاللاش:
پەلسەپە ۋە تەپەككۇر 1999-يىلى نەشرى تولۇق نۇسخا

«قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسى

Qutadghu Bilik Xezinisi

✍️
ئاپتور: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
🏛️
نەشرىيات: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
📖

ئاكادېمىك ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ پەلسەپىۋى قاتلاملىرى، دۆلەتچىلىك تەپەككۇرى ۋە كىشىلىك قاراشلىرى ھەققىدىكى نادىر كىلاسسىك مونوگرافىيەسى.

#پەلسەپە#ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن#قاراخانىيلار#تۆت تادۇ#دۆلەتچىلىك#تولۇق كىتاب
100%
2-بەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

«قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

4-بەت

تەھرىرى: ئازاد سۇلتان ئىبراھىم ھەمدۇللا مەسئۇل مۇھەررىرى: ئابلىمىت قادىر مەسئۇل كوررېكتورى: ئادالەت ياقۇپ مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى: ۋاڭ جۈنبىڭ تېخرېداكتورى: ئابلىمىت قادىر ھۆسنخەت يازغۇچى: نىياز كېرىم شەرقى

«قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتتى (ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى №14، پوچتا نومۇرى: 830046) شىنجاڭ شىنخۇا 2 - باسما زاۋۇتىدا بېسىلدى فورماتى: 850×1168 مم 1/32 باسما تاۋىقى: 17 قىستۇرما ۋارىقى: 14 1999 - يىل 8 - ئاي 1 - نەشرى 1999 - يىل 8 - ئاي 1 - بېسىلىشى تىراژى: 2000 - 0001

ISBN7 - 5631 - 1080 - 1/I. 182 باھاسى: 22.50 يۈەن

5-بەت

I باب «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ دەۋرى ۋە تېماتىك مەزمۇنى

«ئەۋلىيا ئىزدىسەڭ ئىزدىگىن دانا، كىم دانا بولسا ئۇ دېمەك ئەۋلىيا.» — ئابدۇشۈكۈر بەلخى [5]

1. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ دەۋر مۇھىتى

ف . ئېنگىلېس ئۆزىنىڭ «ديۇرىڭغا قارشى» ناملىق مەشھۇر ئەسەرىگە ئاتاپ يازغان سۆز بېشىدا: «ھەربىر دەۋردىكى نەزەرىيەۋى تەپەككۈرمۇ… تارىخنىڭ بىرخىل مەھسۇلى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئىنتايىن ئوخشاش بولمىغان شەكىلگە ھەمدە شۇ سەۋەبلىك ئىنتايىن ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەپەككۇر توغرىسىدىكى پەن، باشقا ھەرقانداق پەنگە ئوخشاش، بىر خىل تارىخى پەن، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پەن بولىدۇ»① دەپ يازغانىدى. شۇ سەۋەبلىك ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى خۇددى لېنىن ئېيتقاندەك: «پۈتكۈل

① ئېنگىلېس: «تەبىئەت دىئالېكتىكىسى»، 1979 - يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 49 - بەت.

6-بەت

ئىنسانىيەت ئىدىيولوگىيىسى تەرەققىياتىدىكى (بۇرمىغا ئوخشايدىغان) چوڭ ھالقىنىڭ بىر ھالقىسىدىن ئىبارەت»① بولىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى يىراق ئۆتمۈشتىكى ئاتا - بوۋىلىرىنى تەشكىل قىلغان قەبىلە ۋە خەلقلەر ھازىرقى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا رايونىنى ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت سەھنىسى قىلىپ، بىرقانچە مىڭ يىل مابەينىدە جىلغا - غار مەدەنىيىتى، يايلاق مەدەنىيىتى، بوستان مەدەنىيىتى تىپلىرى بويىچە ھايات كەچۈرۈپ، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئۇسلۇبى ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت تۆھپىلىرى يارىتىپ كەلگەن. 840 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى (646 - 840) مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچ ئىقتىدارى ئورخۇن - سېلىنگا ۋادىسىدىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمى، تارىم ۋە سىر دەريا ۋادىلىرىدا مەركەزلىك ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى (846 - 1035)، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (840 - 1335) ۋە خاقانىيە - قاراخانلار خانلىقى ئۇنىڭ سىياسىي گەۋدىسى شەكىلدە مەيدانغا چىقتى.

ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەربكە سىلجىشى غايەت زور تارىخىي ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولدى. بۇ يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى ھاياتى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى بويىچە غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىپ قالماستىن، يەنە ئەينى زاماندا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان «يىپەك يولى» ئالاقىلەر تارىخىغىمۇ ھۆسن قوشتى. قىسمەن ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن يايلاق تۇرمۇش تىپىدىن ئولتۇراقلاشقان فېئوداللىق ئاساسىدىكى بوستان تۇرمۇش تىپىگە ئۆتۈش، بىر قەدەر نوقۇل، بېكىنمە ھالەتتىكى

① لېنىن: «پەلسەپە خاتىرىلىرى»، 1956 - يىل، خەنزۇچە نەشرى، 249 - بەت.

7-بەت

مەدەنىيەت تىپىدىن كۆپ قىرلىق، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پائالىيەتچان مەدەنىيەت تىپىگە ئۆتۈش ئۇيغۇر خەلقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتنىك مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە خەلقئارا مەدەنىيەت بەلۋېغىدا كۆرۈنەرلىك مەشئەلچىگە ئايلاندۇردى. بۇ ھال ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يېڭى تارىخىي مەزمۇنلار بىلەن راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭغا يېڭى، سۈپەت خاراكتېرلىك «سەكرەش» مەلىكىسىنى بېغىشلىدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويدى. نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ ئەنئەنىۋى قېلىپتىن كلاسسىك سۈپەتكە كۆتۈرۈلۈشى ئۇنىڭ رۇشەن نەمۇنىسىنى ھاسىل قىلدى. ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد فارابى [6] بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانلار مەدەنىيەت ئاسمىنىدا پارلىغان ئىككى غايەت زور تەپەككۇر يۇلتۇزىغا، ئەنزاك، سىگقۇ سەلى قاتارلىق ئالىملار ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى مەدەنىيەت كۆكىدە يالتىرىغان بىر توپ يۇلتۇزغا ئوخشاپ، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن نۇرانە ئورۇن ئالدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ بىباھا ئەقىل دۇردانىسى «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ۋە ئىدىيىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئەبۇ نەسىر فارابى نامايەندە قىلىنغان بىر دەۋردىن كېيىنكى يېڭى تارىخىي مۇھىتنىڭ مەنىۋى ئىپادىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى.

بۇ يېڭى تارىخىي دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى: ئىسلامىيەتنىڭ توققۇز ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركي تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا تېخىمۇ تېرەن يىلتىز تارتقانلىقى؛ قاراخانلار خاندانلىقىنىڭ سامانىلار خاندانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ كەڭ ماۋەرائۇننەھر زېمىنىنى ئىگىلەپ، خۇراسان ۋە خارەزىم تۈركي رايونلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى؛ يەتتىسۇدىن غەزنىگىچە، قاراتۇرۇك

8-بەت

(ئۆتۈكەن) تىن كۆپەت تاغلىرىغىچە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ مىللىيەتلىك جەھەتتىكى بىردەكلىشىشى جەريانىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى؛ قاراخانىلارنى ئارقا تىرەك قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراسان تۈركلىرىنىڭ چۈشكۈنلىشىۋاتقان ئەرەب خەلىپىلىكىنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر تەھدىتكە سالغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلانغانلىقى؛ ئولتۇراقلىشىش ۋە راۋاجلانغان فېئوداللىق ئاساسىدىكى يېزا ئىگىلىك ۋە ھۈنەر - سودا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر - خاقانىيە تىلىنى ئۆزەك قىلغان مەنەۋى مەدەنىيەتنىڭ يەنىمۇ روناق تاپقان دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:

  1. مەلۇمكى، خەلىپە ۋەلىد (سەلتەنەت دەۋرى 705 - 715) خۇراساندىكى ئەرەب نائىبى قۇتەيبە ئىبىن مۇسلىمنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇدى. قۇتلۇق ئىلتەرىش قاغاننىڭ ئوغلى كۆلتېكىن (687 - 731) ۋە ئۇنىڭ قېيناتىسى تونيۇقۇق باشچىلىقىدىكى توققۇز ئوغۇز خەلقلىرى 711 - ۋە 712 - يىللىرى پەنجىكەنت، بۇخارا ئەتراپىدا قۇتەيبە قوشۇنلىرى بىلەن قانلىق جەڭلەر ئېلىپ باردى. ئەرەبلەر ئىستىلاچىلىقىغا قارشى كۈرەش 715 - يىلى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن «ئون ئۇيغۇر قاغانى» دەپ شۆھرەتلەنگەن ئاسناشى ۋە 717 - 738 - يىللىرى سەلتەنەت سۈرگەن تۈركەش قاغانى سۇلۇ قاغان باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. 751 - يىلى مەشھۇر تالاس ئۇرۇشىدا گاۋشەنزى سەركەردىلىكىدىكى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئەرەب ئىستىلاچىلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىشى بۇ جەڭ ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. ئەرەب ئىستىلاچىلىقىغا قارشى بۇ كۈرەشكە 766 - 769 - يىللىرى ئارىسىدا تەڭرىتاغلىرى ئەتراپىدىن تالاس - چۇ ساھىلىغا كۆچۈپ كەلگەن قارلۇقلار، 840 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە كۆپلەپ
9-بەت

يۆتكىلىپ كەلگەن ئاساسلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قاتناشتى. ئىسلامىيەت توققۇز ئۇيغۇر خەلقلىرى ئارىسىدا ئىككى ئەسىر داۋام قىلغان ئىستىلاچى «جىھاد» (غازات) جەڭلىرى ۋە ئىچكى دىنىي ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيولوگىيىلىك ئۈستۈنلۈكى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. بۇ ئىككى خىل شەكىل يېڭىدىن قايتا ئۇيۇشۇش جەريانىدا تۇرغان توققۇز ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى - قاراخانىلار خاندانلىقى بىلەن باغداد خەلىپىلىكىدىن بارغانسېرى مۇستەقىل سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئايرىلىپ شەكىللىنىۋاتقان سامانىلار خاندانلىقى ئارىسىدىكى ئۆتكۈر كۈرەشنى ئاساسىي سەھنە قىلدى.

ئۆمەۋىيە خەلىپىسى ۋەلىد I (701 - 715) نىڭ ماۋەرائۇننەھردىكى ئىستىلاچى سەركەردىسى قۇتەيبە ئىبىن مۇسلىم ئېلىپ بارغان ھەربىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تارىخىي يالدامىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن سامانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىران نەسەبىدىن بولغان شاھى نۇھ ئىبىن ئەسئەت ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدا قەدىمكى تۇران - ئىران ئۇرۇشلىرى دەۋرىدىكى ئەفراسىياپ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىتىدىغان «ئىد دەۋلەتى ئەل ئەفراسىياپ»① دەپ تەسۋىرلەنگەن قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تۇنجى خاقانى بىلگە كۆل باھادىر قادىرخان ئاھالىلىرىگە «غازات» ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، 840 - يىلىلا ئىسپىنجاب شەھىرىنى بېسىۋالدى. ئۇنىڭ ۋارىسلىرىدىن ئىنىسى يەھيا ئىبىن ئەسئەت

① تۆۋەندىكى ئەسەرلەرگە قارالسۇن: ثابىتاخۇن: «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى تەرەققىياتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى، 295 - 296 - بەتلەر؛ بارتولد: «ئىلىكخان» («ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى» غا يېزىلغان خاس ماددا)؛ موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ئەمىنىيە» . بۇلاردا ئەفراسىياپ قاراخانىلار ھەتتا بەش بالىق ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى - ئالپ ئەرتۇڭا - بۆكۈخان سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر كۆرسىتىلگەن.

10-بەت

كۈنساناپ كۈچىيىۋاتقان قاراخانىلاردىن قوغدىنىش مەقسىتىدە 849 — 850 - يىللىرى مۇداپىئە سېپىللىرى سالدۇردى. ئاتاقلىق سامانى شاھى ئىسمايىل ئىبىن ئەھمەد (874 — 907 - يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن) 893 - يىلى ئوغۇلچاق قادىرخان قولىدىن تالاس - فاراب قەلئەلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئونى بالاساغۇندىن قەشقەرگە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ جەريان پۈتۈنلەي دىنىي ئىستىلاچى ئۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

قاراخانىلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تاغىسى ئوغۇلچاق قادىرخان تەربىيىلىكىدە تۇرغان ياشلىق چاغىدىلا، سامانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى تۈپەيلى قاراخانىلار پاناھىغا ئۆتكەن ناسىر ئىبىن ئەھمەد (914 — 949) نىڭ خانزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانى ۋە ئۇنىڭ ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد قاتارلىق ھەمراھلىرىنىڭ تەسىرىدە 932 - يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئارقىدىنلا خانلىق سەلتەنىتىنى تارتىۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاملاشتۇرۇش كۈرىشىنى باشلىدى. ئىسلاملاشتۇرۇش جەريانى ئۇنىڭ ئوغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇكېرىم — بايتاش (? — 956) ، نەۋرىلىرى ئەلى ئىبىن مۇسا (? — 998) ۋە ھەسەن ئىبىن مۇسا — ھارۇن بۇغراخان (? — 1024) دەۋرىدە يەتتەسۇدىن تاكى خوتەنگىچە (971 — 992) بولغان كەڭ تېرىتورىيىدە گاھى تىنچ يول بىلەن، گاھى جەڭ ۋاسىتىسى بىلەن داۋام قىلدى. ئىسلامىيەت ئۇيغۇر ۋە ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەر ھاياتىدا مۆلچەرلىگۈسىز زور تارىخى تەسىر پەيدا قىلدى.

  1. سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ياغما نەسىلىدىن بولغان ۋارىسلىرى ئىسلاملاشقان قاراخانىلار قىياپىتىدە سىر ۋە ماۋەرائۇننەھردىكى قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدا ئۆز كۈرىشىنى توختاتمىدى. سۇتۇق بۇغراخان كۆرۈنگەن
11-بەت

ھەربىي سەركەردە سۈپىتىدە «كونا ئۇيغۇر شەھىرى بالاساغۇن»① بىلەن تالاسنى، ھەسەن (ھارۇن) بۇغراخان ئىسپىجابنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 992 - يىلىدىن باشلاپ سۇتۇق بۇغراخان باشچىلىقىدا پۈتكۈل ماۋەرائۇننەھرگە قارىتىلغان ئومۇمىي يۈرۈش باشلاندى. 999 - يىلى سامانىلار خاندانلىقى قاراخانىلار سەركەردىسى ناسىر ئىلىكخان (كېيىنچە ئارسلانخان دەپ ئاتالغان) تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى. بۇنىڭدا ماۋەرائۇننەھردىكى كەڭ توققۇز ئوغۇز ئاھالىسى بىلەن زېمىندار دېھقانلار، يۇقىرى قاتلام يەرلىك تۈركىي مۇسۇلمان روھانىيلىرى ۋە تۈركىي قوشۇنلار پۈتۈنلەي قاراخانىلار تەرىپىگە يانباسقانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىلار پۈتكۈل ماۋەرائۇننەھرنى، ھەتتا خېلى بىر مەزگىل خارەزىمنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزدى. گەرچە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋارىسلىرى يۈرگۈزگەن سۇيۇرغاللىق سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدا بۆلۈشۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ تارىخىي ئاقىۋىتى سۈپىتىدە پۈتكۈل خانلىق شەرقىي ۋە غەربىي بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن، ئەلى - ھەسەن نەسەب سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلار ئومۇمىي خاقان - ئارسلانخانلىق ياكى بۇغرا قاراخانلىق [7] سەلتەنىتى بويىچە ماجىرالار تۇغدۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما XI ئەسىرنىڭ بېشى، ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە قاراخانىلار غەزنەۋىلەر، خارەزىم ۋە سالجۇق تۈركلىرىگە نىسبەتەن ھەر جەھەتتىن مۇقىم ۋە قۇدرەتلىك سىياسىي گەۋدە بولۇپ تارىخ سەھنىسىگە چىققانىدى. ناسىر ئىلىك ئارسلانخان بىلەن ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ 1008 - يىلى بىر قېتىم، تابغاچ خان ناسىر ئىبراھىمنىڭ 1079 - يىلى يەنە بىر قېتىم غەزنەۋىلەر

① «ئالتۇن خانلىق تارىخى. جەڭگى خەنشۈي تەزكىرىسى» گە قارالسۇن.

12-بەت

خانلىقنىڭ خوراساندىكى تايانچ شەھىرى بەلخنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ سۇلھ بىلەن چىكىنگەنلىكى… بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

  1. قاراخانىلار خانىدانلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقى؛ شۇنىڭدەك، سامانىلار ئىشغالىيىتى تۆپەيلى قول قىلىنغان تۈرك سەركەردىسى سۇبۇق تېكىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان مەھمۇد تەرىپىدىن قۇرۇلغان غەزنەۋىلەر خانلىقنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشى؛ جۈملىدىن سالجۇق ئوغۇزلىرى بىلەن خارەزم تۈركمەنلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى؛ كۈسەن (كۇچا) ئارسلانخانلىقى بىلەن ئىدىقۇت ئارسلانخانلىقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىنچ - ئاسايىشلىق مۇھىت ئىچىدە داۋاملىق گۈللىنىشى - مانا بۇلار چىڭگىزخان ئىستىلاسىغىچە بولغان نەچچە ئەسىرلىك ئۇزاق تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇر ۋە ھەرقايسى تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان مۇقىم گۈللەنگەن فېئوداللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا يېڭى ئىتنىك تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتەتتى. بۇ جەريان يالغۇز ھازىرقى شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدىلا ئەمەس، يەنە يەتتىسۇ، پەرغانە، ماۋەرائۇننەھەر، خارەزم، شىمالىي خۇراسان رايونلىرىدىمۇ ئىلگىرىكى ئاساستا چوڭقۇر داۋام قىلىشقا باشلىغانىدى. بىرمۇنچە خەلقلەر، جۈملىدىن كۆپچىلىك سوغدىلار بۇ جەريانغا خېلى بۇرۇنلا ئۆزلەشكەندى.

  2. ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ماۋەرائۇننەھەردىكى تايانچى ھېسابلانغان سامانىلار خانىدانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇشى، خەلىپىلىكنىڭ ئىلگىرىكى كەڭ تېررىتورىيىسىدە بىر قاتار شەرقىي ۋە غەربىي مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە خەلق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ كۈچىيىشى باغداد خەلىپىسىنى خېلى بۇرۇنلا خۇراسان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىگە ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن تايىنىشقا مەجبۇر قىلغانىدى. خەلىپە ئەل

13-بەت

ۋاتىخ بىللا (842 - 847 - يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن) دەۋرىدىن باشلاپ تۈرك سەركەردىلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرى خەلىپىنى ئۆزىنىڭ قارانچۇقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. سالجۇق تۈركلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بۇ جەرياننى ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھادىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە ئېتۇرغۇلدىن ئاناتولىيە يېرىم ئارىلى ۋە تۇلۇنخانلار دەۋرىدىكى مىسىرغىچە تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر باشقۇرغان دۆلەتلەر قاتارى شەكىللىنىپ چىقتى. بۇ ھال خەلىپىنى پەقەت قۇتبىدا تىلغا ئېلىنىدىغان شۆھرەت نامىغىلا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىي كۈچ - نوپۇزدىن مەھرۇم قىلىپ قويدى. قاراخانىلار خاقانلىرى ئارقا - ئارقىدىن خەلىپىلىك تەرىپىدىن بېغىشلانغان سەلتەنەت نام - ئۇنۋانلىرى بىلەن ئاتالدى.

  1. ئىلگىرىكى ئورخۇن ۋە قەشقەر خانلىقلىرى دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي فېئودالىزم ئاساسىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن قاراخانىلار خاندانلىقى ئۇيغۇر ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ھاياتىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى.

بىر تەرەپتىن ئىلى - يەتتىسۇ ۋە خارەزىم رايونلىرىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر بىلەن قەشقەر، خوتەن، تالاس، پەرغانە ۋە ماۋەرائۇننەھىردىكى ئولتۇراقلاشقان تېرىقچى ئاھالىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنلاشتۇرۇلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئىقتىسادىغا بولغان ئۈستۈنلۈك ۋە يېتەكچىلىك ئورنى بارغانسېرى كۈچەيتىلدى. قاراخانىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇھىم بىر ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى سۈپىتىدە ئىلگىرىكى ئۇرۇقداشلىق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ «دېھقان» دەپ ئاتالغان چوڭ زېمىندارلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، تېرىقچى ۋە يەر ئىگىلىرىنىڭ «ئىكتا» تۈزۈمى مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭدىن

14-بەت

باشلاپ «دېھقان» ئاتالمىسى چوڭ زېمىندار تۈرىلەر مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز يېرىگە ئۆزى ئىشلىگۈچىلەر مەنىسىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ باج - سېلىق ۋە ئالۋان - ياساق كېمەيدى ياكى يېڭىللەشتى. خەلق قوزغىلاڭلىرىمۇ ئازايدى. بۇ ھال كۆپلىگەن كۆچمەنچى ئاھالىنى يەرگە ئېرىشتۈردى ۋە ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق، قول ھۈنىرى، سودا - سېتىق ۋە بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتى ئەرەب ئىستېلاچىلىرى دەۋرىدە مۇپتىلا بولغان ئىقتىسادىي ۋەيرانلىقتىن قۇتۇلۇپ، شەھەر مەدەنىيىتىنى مەركەز قىلغان مۇقىم گۈللەنگەن فېئودالىزمنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىگە قەدەم قويدى.

قاراخانىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى تىنچ ئورۇندالغىنى يوق. ئۇ ئىلگىرىكى ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەك چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ مەنىۋى ھامىيلىرى ھېسابلانغان يۇقىرى قاتلام دىنىي ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىسلام سوپىزىمنى ئۆزىگە دەستەك قىلىپ سىياسىي ھاكىمىيەتنى تىزگىنلەشنى ۋە خەلق ئىگىلىكىنى خالىغانچە بۇزۇپ - چېقىشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئولتۇراقلاشمىغان كۆچمەن قەبىلىلەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۇرۇقداشلىق ئەنئەنىلىرىدىن پايدىلىنىپ نىزاھ ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. قاراخانىلار كەڭ ئاھالىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ پىتنە - نىزالار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى [8] .

قاراخانىلار تەۋەلىكىدىكى ھەممە رايونلاردا تېرىقچىلىق، سۈنئىي سۇغىرىش سىستېمىسى ۋە سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بىلەن ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە راۋاجلانغان مەنزىرە شەكىللەندى. «قاراخانىلار

15-بەت

دەۋرىدە ماۋەرائۇننەھر تارىخى چېكىنىشكە گىرىپتار بولدى» دېگەن قاراش نوقۇل سامانىلار مۇنقەرزلىكىگە كەك ساقلاش خاراكتېرىدىكى ناتوغرا كەيپىياتلىق قاراش بولۇپ، تارىخىي نۇقتىئىنەزەر ۋە تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ قاراش كېيىنكى زامانلاردىكى تارىخ دەرسلىكلىرىدىمۇ كۆچۈپ تەرغىب قىلىندى.

قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەنئەنىۋى يۇڭ - تىۋىت، تېرە - خۇرۇم، شايى - كىمخاب، گىلەم - شىرداق تېخنولوگىيىسىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. سەمەرقەنت قەغەزچىلىكى، ئەينەك ۋە رەڭدار شىشەچىلىك چەت ئەللەرنىڭ زور قىزىقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۆمەر ھەييام (1048 - 1123)[9] رۇبائىيلىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەي شىشىلىرى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى سەمەرقەنت ئۇستىلىرى قولىدا ئىشلەنگەنىدى. قاراخانىيلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مەرۋىدە «دوڭقوش» ناملىق يىپەكچىلىك تېخنىكا مەكتىپى تەسىس قىلىندى.

ھۈنەر سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشى پۇل مۇئامىلىسى، گۈزەر (رابات) ۋە شەھەر بىناكارلىقى، كارۋان سودىسىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەسەن (ھارۇن) بۇغراخان دەۋرىدە، يۈسۈپ قادىرخان دەۋرىدە، ئىبراھىم ئىبىن ناسىر تابغاچ خان دەۋرىدە قۇيۇلغان ئاقچىلار ئىچكى سودا ۋەزىيىتىنىڭ پۇل ئىسلاھاتىغا بولغان تەقەززاسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن ھەرقايسى دەۋرلەردە قەشقەر (ئورداكەنت)، بارچۇق، يەركەن، خوتەن، بالاساغۇن، ئوتىرار (فاراب)، بۇخارا، سەمەرقەنت، شاش (تاشكەنت)، پەرغانە، ئۆزكەنت قاتارلىق كۆپلىگەن ئاۋات شەھەرلەر قايتا كېڭىيىپ قۇرۇلدى. پىششىق خىش، سىرلانغان پىششىق

16-بەت

خىشتىن ياسالغان كۆپلىگەن بىنالار قەد كۆتۈرۈشتى. بۇنىڭغا تابغاچ خان ناسىر ئىبىن ئىبراھىم (1068 - 1080) زامانىدا قۇرۇلغان ئىلىك قەلئە، ئاق كۆتەر قەلئە① ۋە قايتا تولۇقلاپ ياسالغان توققۇز گۈمبەزلىك بۇخارا جامە مەسچىتى، بابكەنت مۇنارىسى بىلەن ھەسەن ئىبىن سۇلايمان (1074 - 1102) دەۋرىدە قەشقەردە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان «ساچىيە» مەدرىسى، مۇھەممەد ئارسلانخان 1127 - يىلى بۇخارادا ياساتقان «مۇنار كالان» (چوڭ مۇنار) قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بۇ ھال ئوتتۇرا ئاسىيادا فېئوداللىق شەھەر تۇرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە شەكىللىنىش جەريانىنى تېزلەتتى ۋە تىپىك شەھەر مەدەنىيىتى ھادىسىسىنى روياپقا چىقاردى.

قەشقەر، بالاساغۇن، ئۆزكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا قاتارلىق ئاۋات شەھەرلەر يالغۇز سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقىلەر مەركىزى بولۇپ قالماستىن، يەنە شەھەر مەدەنىيىتى، شەھەر ئەدەبىي تىلى ۋە شەھەر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئوچاقلىرىغا ئايلاندى. مۇنداق شەھەر مەدەنىيىتىنى مۇستەسنا قىلىپ، ھەرقانداق ماھىر فولكلور ئەدەبىياتى بىلەنمۇ «قۇتادغۇبىلىك» تەك غايىۋى دۆلەت توغرىسىدىكى كلاسسىك شېئىرىي ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.

قاراخانلار مەشھۇر «يىپەك يولى» ئوتتۇرا تۈگۈنىدە تۇرۇپ شەرقتە سۇڭ، لياۋ، سىرىق ئۇيغۇر (كېيىنچە تاڭغۇت)، ئىدىقۇت خانلىقلىرى بىلەن غەربتە ۋە غەربىي جەنۇبتا خارەزىم، سالجۇقىلار، غەزنەۋىلەر، ھىندىستان، باغداد خەلىپىلىكى، شىمالىي ئافرىقا ئەللىرى بىلەن كارۋان سودىسى مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلدى. تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، قاراخانلار

① ناسىر ئىبىن ئىبراھىمنىڭ قەبرىسى ئاق كۆتەر قەلئەگە جايلاشقان.

17-بەت

سۇڭ سۇلالىسى بىلەن 30 قېتىمغا يېقىن سودا مۇناسىۋىتىدە بولغان، ياقۇت، دەندان، مەستىكى رۇمى، نۆشۈدۈر، قاش، سۈسەر، بۇلغۇن تېرىسى، تۆگە، ئات سودىسى قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان.

  1. قاراخانىلار دەۋرىدە ئىلىك فېئوداللىق ئاساسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە راۋاجلىنىشىغا ۋە ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ «خاقانىيە تىلى» دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلىنى ئۆرنەك قىلغان مەنىۋى مەدەنىيىتى تارىخىي خاراكتېرلىك گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئەگەر مۇھەممەد ئىبىن مۇسا خارەزمى [10] ، ئەبۇ ئابباس ئەھمەد ئەل فەرغانى [11] ۋە ئەبۇ نەسىر فارابى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى بىر ئويغىنىش دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلغان بولسا، قاراخانىلار دەۋرىدە يىپەك يولىنى بويلاپ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يېڭىدىن - يېڭى مەدەنىيەت نامايەندىلىرى مەيدانغا كەلدى. سامانى، غەزنەۋى ۋە قاراخانىلار بىللە مەۋجۇت تۇرغان دەۋرگە ئائىت مەشھۇر تىبابەتچىلىك ۋە ئىلم قامۇسى «ئەل قانۇن فىت تىب»، «كىتاب ئىش شىفا»، «دانىشنامە» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن بىننى ئابدۇللا ئىبىن سىنا [12] ۋە ئۇنىڭ زاماندىشى ئاتاقلىق تەبىئەتشۇناس ئەبۇ رەيھان بىرۇنى [13] ئالدىنقىلارنى كېيىنكىلەرگە تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلدى. قاراخانىلار سامانىلار خاندانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگۈزگەندىن كېيىنكى سەكىز ئەۋلادتىن تەشكىل تاپقان ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك (999 - 1212) ۋاقىت ئىچىدە خانلىقنىڭ شەرقى ۋە غەربىي قىسىملىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلىم ۋە مەدەنىيەت
18-بەت

ئەربابلىرى يېتىشىپ چىقتى. بۇنىڭغا قاراخانىلارنىڭ 7 ئەۋلاد خاقانلىرىدىن تابغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بىننى ناسىر (1041 1068) دەۋرىدىكى «تارىخىي مۈلكى تۈركىستان» (1058) ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەجىدىدىن مۇھەممەد ئودمانى، قاراخانىلارنىڭ 8 ئەۋلاد خاقانى ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغرا قاراخان (1074 1102) دەۋرىدىكى «تارىخى كاشغەر» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇلغاپپار بىننى ھۈسەيىن ئەلمەئى، پەلەكىيات ئىلمىدە تەڭداشسىز ئالىم قۇتۇلمىش، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋى قائىدىلىرى» ( «جاۋھەرۇننەھۋي فى لۇغاتىت تۈرك» ) ناملىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد ئىبىن ھۈسەيىن ئىبىن مۇھەممەد ئەلكاشغەرى، «ساجىيە» مەدرىسىنىڭ «ئەل شەيخۇل ئىمامۇل زاھىد» ئۇنۋانىنى ئالغان مۇدەررىسى ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ، ئىبىن سىنانىڭ «ئەل قانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان مەشھۇر تىبابەتشۇناس ئىمادىدىن قەشقەرى، قاراخانىلارنىڭ 9 ئەۋلاد خاقانى مەسئۇد ئىبىن مۇھەممەد دەۋرىدىكى «ئەرەدۈل سىياسەت فى ئەغرەدۈل رىياسەت» (1097) ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئىبىن ئەلى ئەل سەمەرقەندى، «ھەقىقەتتىن سوۋغىلار» ( «ھىبەتۇل ھەقايىق» ) داستانىنىڭ ئاپتورى ئەھمەد يۈكنەكى، قاراخانىلارنىڭ 13 ئەۋلاد خاقانى ئوسمان بىلەن مۇھەممەد خارەزىم شاھ دەۋرىدە «مۇقەددەمە تۇل ئەدەب» ناملىق لۇغەتنى تۈزۈپ چىققان خارەزىملىك ئالىم ئەبۇلقاسىم زەمەخشەرى [14] قاتارلىقلارنى گەۋدىلىك مىسال سۈپىتىدە ئاتاپ ئۆتۈش مۇمكىن.

تارىخىي خاتىرىلەر قاراخانىلار دەۋرىدە ئۆتكەن 13 ئەۋلاد ئارسلانخان (بۇغرا قاراخان)، تابغاچ قاراخان ۋە مەھەللىۋى كىنەزلىك ھېسابلانغان ئىلىك خانلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئىلىم

19-بەت

مەدەنىيەت ھامپىلىرى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ. بۇنىڭغا يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ ماھىر مۇزىكا ئۇستىسى بولغانلىقىنى ، خىزىرخاننىڭ شائىرلارغا لېگەندە ئالتۇن ئىنئام قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شائىر يۈسۈپنىڭ ئەبۇ ئەل ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغراخان تەرىپىدىن خاس ھاجىپلىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغانلىقىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.

قەشقەرنى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قىلغان قاراخانلار خاندانلىقى دەۋرىدە گۈللەنگەن ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى قانداقتۇر مەھەللىۋى ھادىسە بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىسلام شەرقىدە ھارۇن رەشىت ۋە خەلىپە مەئمۇن نامى بىلەن باغلانغان ئابباسىيە خەلىپىلىكى «ئالتۇن دەۋرى» نىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن يۈز بەرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ خىل مەدەنىيەت شەھەر مەدەنىيىتى ۋە شەھەر ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ ئۈلگۈرگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئۇيغۇر «خاقانىيە» ئەدەبىي تىلىنى ۋاسىتە قىلغانىدى. ۋەھالەنكى، ئەينى زاماندا گەنجۇ، قۇچۇ (ئىدىقۇت)، كۈسەن، قاراخانلار قاتارلىق بىر قاتار خانلىقلار ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي لىنىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىدىن باشقا، كۆچمەن، يېرىم كۆچمەن قەبىلىلەر، كېيىنچە چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن قايتا شەكىللەنگەن خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى تېخى بۇنداق «خاقانىيە» ئەدەبىي تىلىغا تاقابىل تىل مەلىكىسىگە ئېرىشكەن ۋە ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئەمەس ئىدى.

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز كىتابنى تۈركىي تىل لەھچىسىدە «ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ راۋان بولغان خاقانىيە ئۆلكىسىدىكىلەر[15] نىڭ تىلى» بىلەن يازدىم دېگەنلىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەينى زاماندا بارلىق تۈركىي تىللارغا يېتەكچى ئەدەبىي تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ خىل ئېتنىك جەريانىنىڭ

20-بەت

تارىخىي قىممىتىنى چۈشەندۈرسە، ئۇنىڭ «تۈرك تىلى ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى ئۇيغۇر - تۈركىي تىلىنىڭ ھەربىي (بولۇپمۇ سالجۇق تۈركلىرىنىڭ 1055 - يىلى باغدادنى ئىشغال قىلىشىنىڭ ئالدى - كەينىدە) ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈككە ئەگىشىپ «خەلىپىلىك تىلى» (ئىمپېرىيە تىلى) ھېسابلانغان ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ مەنزىرىنى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى بايانىدا» ناملىق بابىدىكى كۆپلىگەن مىسرالاردىن، بولۇپمۇ «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن بىر زاماندا مەيدانغا كەلگەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ ئەرەب، پارس كىتابخانلىرىغا قارىتىپ يېزىلغان مۇقەددىمە قىسمىدىكى تۆۋەندىكى جۈملىلەردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق يازغانىدى: «خۇدا دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا ياراتتى. پەلەكنىمۇ ئۇلارنىڭ مۈلكىگە ماسلاشتۇرۇپ ئايلاندۇردى. ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدى. ئۇلارنى مۈلۈككە ئىگە قىلدى. ئۇلارنى زامانىمىزنىڭ خاقانلىرى قىلىپ كۆتۈردى. زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيارىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. خەلققە باش قىلدى. ئۇنى توغرا يولغا يۈرۈشكە قادىر قىلدى. ئۇلارغا قاراشلىق كىشىلەرنى غالىپ قىلدى. ئۇلارغا قاراشلىق كىشىلەر مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىپ، باشباشتاقلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتۇلدى. ئۇلار (تۈركلەر) نىڭ ئوقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى مەھكەم تۇتماق ھەربىر ئەقىللىق كىشىگە لايىق ۋە مۇناسىپتۇر. ئۇلارغا يېقىن بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي يول — ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىشىشتۇر… پەيغەمبەر: تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ، دېگەنىدى… ئەگەر ھەدىس توغرا بولسا، تۈرك تىلىنى

21-بەت

ئۆگىنىش ۋاجىپتۇر. ھەدىس توغرا بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ.» مانا بۇ خەلىپە ئەبۇلقاسىم ئالدىدا ئوقۇلغان تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىپتىخارلىق خىتابەت ئىدى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىن قاراخانىيلار خاندانلىقىنى ئىجتىمائىي - سىياسىي گەۋدە قىلغان تارىخىي مۆھىتىنىڭ بىر قاتار كۆرۈنگەن ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت. «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئەنە شۇ تارىخىي دەۋرنىڭ مەنىۋى مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى.

2. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مۇئەللىپى

كارل ماركىس «1848 - 1850 - يىللاردا فرانسىيىدىكى سىنىپىي كۈرەش» ناملىق ئەسىرىدە فرانسۇز ماتېرىيالىستى ھېلۋېتسىيۇس [16] تىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «ھەر بىر ئىجتىمائىي دەۋر ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىشىلىرىگە موھتاج بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق كىشىلەر بولمىسا، بۇنداق كىشىلەرنى يارىتىدۇ» ① دېگەنىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز زامانىسىنىڭ مەنىۋى ۋەكىلى سۈپىتىدە قاراخانىيلارنىڭ گۈللەنگەن ئوتتۇرا مەزگىلىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققان ئەنە شۇنداق ئۇلۇغۋار تارىخىي شەخس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات تەزكىرىسى مەلۇم ئەمەس. ئۇ توغرىلىق «قۇتادغۇبىلىك» ئىلىم دۇنياسىغا قايتا مەلۇم بولۇشتىن ئىلگىرى يېزىلغان بىرەر تارىخىي ئۇچۇرمۇ تېپىلغان ئەمەس. بۇ ھەقتە ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيبە (ۋاپاتى 1270 - يىل)، ئىبنى

① «ماركىس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى»، I توم، 1980 - يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 767 - بەت.

22-بەت

خەللىكان (ۋاپاتى 1283 - يىل)، ئەل سەفەددى (ۋاپاتى 1366 - يىل) قاتارلىق ئەرەب تەزكىرىشۇناس - تارىخچىلىرىنىڭ ئەسىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا مەخسۇس قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇئەللىپلىرى ئۈستىدە توختالغان سەمئانى ئەبۇ سەئىد (ۋاپاتى 1113 - يىل) نىڭ «كىتابۇلئەنساب» ناملىق ئەسىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىر قەدەر تولۇق پەرغانە (نەمەنگان) نۇسخىسىدا بۇ ھەقتە ھۆكۈملۈك ئۇچۇر بېرىلگەن.

مۇئەللىپنىڭ نامى، ئۇنىڭ ياشىغان ماكانى ۋە كىتابنى قەشقەردە تاماملاپ، تابغاچ بۇغرا قاراخانغا سۇنغانلىقى، خاننىڭ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانى بەرگەنلىكى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نەسرىي مۇقەددىمىسى بىلەن نەزمىلىك مۇقەددىمىسىدە ئوخشاش مەزمۇندا تىلغا ئېلىنغان.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ «مۇئەللىپنىڭ ئۆز ئۆزرىنى ئېيتقانلىقى بايانىدا»، «كىتابنىڭ نامى، مەنىسى ۋە مۇئەللىپنىڭ ئۆز قېرىلىقىنى ئېيتقانلىقى بايانىدا»، «ئىلىگنىڭ ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلىشى» قاتارلىق بابلىرى بىلەن كىتابقا ئىلاۋە قىلىنغان «كىتاب ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھىتى» ناملىق باب ۋە ئۇنىڭ نەسرىي ھەم نەزمىلىك مۇقەددىمىسىگە ئاساسلانغاندا «قۇتادغۇبىلىك» ئۆز دەۋرىنىڭ يېتىشكەن بىلىم ۋە ئىستېدات ئىگىسى، پەزىلەت ۋە شەرەپەت ئۈلگىسى بولغان «قۇز ئوردا» (بالاساغۇن) نى ماكان تۇتقان يۈسۈپ تەرىپىدىن يېزىلىشقا باشلىنىپ، ئاساسلىقى قەشقەر (ئورداكەنت) دە تاماملانغان ۋە ئەينى زاماننىڭ سەلتەنىتى — تابغاچ بۇغراخانلار خانى — ئەبۇ ئەل ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغراخانغا بېغىشلانغان. مۇئەللىپ ھەسەن بۇغراخان تەرىپىدىن «خاس ھاجىپ» لىق مەرتىۋىسى بىلەن تارتۇقلانغان. بۇ ھال «نەزمىلىك مۇقەددىمە» دىكى 56 — 63 - بېيىتلاردا مۇنداق بايان قىلىنغان:

23-بەت

پۈتۈنلۈك مە ھۆرمەت بۇ زۆھدىلىغ ئۆزە ساقىنوغ بىلىكلىگ ئارىغلىغ ئوزا [ئۇ توغرا، باھۆرمەت بىر زاھىت ئېرۇر، بىلىملىك ۋە تەقۋا، ئېرىغ - پاك يۈرۈر.]

بۇ تەڭى تۇرۇغلاغ قۇز ئوردۇ ئېلى تۈپ ئەسلى نەسەبدىن يورىمىش تىلى [تۇرۇغلۇق ماكانى «قۇز ئوردۇ» ئېلى، تۈپ ئەسلى نەسەپتىن خەۋەرچى تىلى.]

بۇ توغمىش ئەلىندىن چىقىپ بارغانى كىتابنى قوشۇپان تۈكەل قىلغانى [ئۇ تۇغقان ئېلىدىن كېتىپتۇ چىقىپ، كىتابنى نەزمىگە قوشۇپ تۈگىتىپ.]

بارۇسىن بىتىمىش يەتۈرمىش نىزام بۇ كاشغەر ئەلىندە قوشۇلمىش تەمام [پۈتۈن ھەممىسىگە بېكىتكەچ نىزام، ئۇنى قەشقەر ئىچىندە قىلغان تامام.]

مەلىكنىك ئۆڭىندە ئوقىمىش مۇنى بۇ تابغاچ قارا بوغراخانلار خانى [ھۇزۇرىدا خاننىك ئوقۇغان مۇنى، ئۇ تابغاچ قارا بوغراخانلار خېنى—]

ئاغىرلامىش ئارتۇق ئۆكۈش خىلئەتى قەلەمنىك ھەقى تەپ ئوقۇش ھۆرمەتى [قەدىرلەپ ئۇنى كۆپ بېرىپ خىلئىتى①، قەلەم ھەققى دەپ كۆپ قىلىپ ھۆرمىتى.]

بۇ خاس ھاجىپ ئاتىن تەگۈرمىش موڭا مۇنى يۇ ئۆزىگە ياغۇتمىش يانا [ئۇنىڭغا بېرىپ خاس ھاجىپلىق ئېتىن، ئۇنى ئەيلەمىشتۇر ئۆزىگە يېقىن.]

① خىلئەت — مۇكاپات.

24-بەت

[بۇ مەنى ئۈچۈن كۆر ئاغىرلار ئانى يۈسۈپ خاس ھاجىب تەپ ئايۇرلار كۈنى [بۇ مەنا ئۈچۈن، كۆر، قەدىرلەر ئۇنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ ئاتارلەر كۈنى.]

بىز «قۇتادغۇبىلىك» داستانىغا كېيىنچىرەك، باشقا — باشقا قەلەم ئىگىلىرى تەرىپىدىن يېزىپ كىرگۈزۈلگەن① بۇ ئىككى ژانىردىكى مۇقەددىمىدە ئېيتىلغان تارىخى — تەزكىرىلىك ئۇچۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتىگە ئۇيغۇن دەپ قارايمىز. بۇ مۇلاھىزىمىزنى مۇئەللىپنىڭ ئۆزى ئۆز كىتابىغا ئائىت بەرگەن خەۋەرلىرى ۋە «كىتاب ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھىتى» ناملىق ئىلاۋە قەسىدىسى بىلەن ئىسپاتلايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاچان دۇنياغا كەلگەنلىكى ۋە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەمما داستاننىڭ ئاپتور 50 ياشتىن ھالقىغاندا يېزىلغانلىقى ۋە 18 ئاي (بىر يېرىم يىل) ئىشلەپ، ھىجرىيىنىڭ 462 — يىلى (مىلادىيىنىڭ 1070 — يىلى) تاماملانغانلىقى ھەققىدىكى شېئىرىي مىسرالاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجرىيىنىڭ 412 — يىلى (مىلادىيىنىڭ 1018 — 1019 — يىللىرى) دۇنياغا كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىمىز②. ئۇ 365 ، 366

① س. ئې. مالوف: «قەدىمكى تۈركىي يېزىق يادىكارلىقلىرى» ، 1951 يىل موسكۋا لېنىنگراد نەشرى؛ رەشىد رەھمەتى ئارات: «قۇتادغۇبىلىك. 1 مەتن» ، 1947 يىل ئىستانبۇل نەشرى؛ رەشىد رەھمەتى ئارات: «ئىسلام قامۇسى. ‹قۇتادغۇبىلىك›» ؛ ئا. ن. كونونوف: «يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ داستانى — ‹قۇتادغۇبىلىك›» قاتارلىق ئەسەرلەرگە قارالسۇن.

② رەشىد رەھمەتى ئارات (1900 — 1964) 1015 — 1016 — يىللىرى، دىلئاچار (1897 — 1979) 1018 — يىلى، قەييۇم كەرىموۋ 1019 — يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا كەلگەن، دەپ تەخمىن قىلىشىدۇ.

25-بەت

بەيىتلىرىدە مۇنداق يازغانىدى:

تەگۈردى ماڭا ئەللىگ ياشىم قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۈسى تەك بېشىم. [ماڭا يەتكۈزۈپ قولىنى ئەللىك يېشىم، قۇغۇ① قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك بېشىم.] ئوقىر ئەمدى ئاتمىش ماڭار كەل تېيۈ پۇسۇغ بولماسا باردىم ئەمدى نارۇ [مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش، دەيدۇ ئۇ كەل! بارۇرمەن ئەگەرچە يەتمىسە ئەجەل.]

ئەگەر شۇنداق بولغىنىدا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەنسۇر بىننى ئەلى ئارسلانخان ئاكىسى ئەھمەد توغانخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا خانلىق تەختىگە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئالەمگە كەلگەن بولىدۇ. بۇ خارەزىم شاھى مەئمۇن ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مەنسۇر ئارسلانخان قوشۇنلىرى ئالدىدا ئىتائەتچان سۈلھ تۈزۈپ ئىككى يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقتى دەل سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چەۋرىسى يۈسۈپ (ئىبىن ھەسەن) قەدىرخان (1026 — 1032) دەۋرىگە، ياشلىق مەزگىلى ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخان (1032 — 1056) دەۋرىگە، توختالغان ھايات پەسلى قىسمەن ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان، تولاراق مەھمۇد ئىبىن يۈسۈپ توغرۇل قاراخان (1059 — 1074) دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ قاراخانلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى 3 — 4 - ئەۋلاد خانلىق دەۋرى بولۇپ، قاراخانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوتەننى باشقۇرۇپ، خارەزىم ۋە غەزنەۋىلەرگە تەھدىت سېلىپ، چوڭ يەر ئىگىلىك تۈزۈمىنى

① قۇغۇ — ئاققۇ.

26-بەت

بىكار قىلىپ مۇقىم گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن مەزگىلى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى يېزىشقا كىرىشىشى ۋە بۇ ئىشقا ھىجرىيىنىڭ 460 - 461 - يىللىرى (مىلادىيىنىڭ 1067 - 1068 - يىللىرى) تۇتۇش قىلغانلىقى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى.

مەلۇمكى، بىر پۈتۈن قاراخانلار ھاكىمىيىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى بولغان ھەسەن (ھارۇن) بۇغراخاننىڭ نەۋرىلىرى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئارسلانخان («نۇربەدەۋلە») بىلەن ئەلى ئىبنى مۇسانىڭ نەۋرىسى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر تابغاچ بۇغراخان دەۋرىگە كەلگەندە قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئارسلانخانلىق (بۇغرا قاراخانلىق) ۋە بۇخارانى مەركەز قىلغان تابغاچ بۇغراخانلىقتىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەتكە ئايرىلىپ كەتكەنىدى. سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئارسلانخان ئۆلۈپ خانلىق ئىككىنچى ئىنىسى مەھمۇد ئىبنى يۈسۈپ توغرۇل قاراخان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇ قازا قىلغان ئاكىسى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئارسلانخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايماننى ئۆزىنىڭ بالاساغۇندىكى ئورۇنباسارى — ئىلىگ خان قىلىپ بەلگىلىگەنىدى. شۇ چاغدىلا ئەبۇئەل ھەسەن ئىبنى سۇلايمان غەربىي قاراخانلار (تابغاچ خانلار) ھاكىمى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر تابغاچ خان قولىدىن پەرغانىنى تارتىۋېلىپ تابغاچ خانلىق دەرىجىسىگە ئېرىشكەنىدى. مەھمۇد ئىبنى يۈسۈپ توغرۇل قاراخان 1074 - يىلى ئۆلۈپ، ئورنىغا ئوغلى ئۆمەر توغرۇل تېكىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئەبۇئەل ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قائىدىلىك ھالدا ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئۇلۇغ بۇغراخانلىق — ئارسلانخانلىق سەلتەنىتىگە چىقتى. دەل مانا بۇ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى بايانىدا» دېگەن بابقا ياكى ئالدىن بېشارەت ۋە ياكى قايناق ئىلھام بېغىشلىغان تارىخى مەنزىرە.

27-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» بېغىشلانغان بۇغراخاننىڭ كىملىكى توغرىسىدا خېلى بىر مەزگىل ئەگرى - توقايلىقلار ۋە ئېنىقسىزلىقلار داۋام قىلدى. ئىبنۇل ئەسىر، ئەبۇل فەزىل ۋە جامال قارشى ئەسەرلىرى ۋ. ۋ. بارتولد ۋە س. ئې. مالوۋلارنى ئەنە شۇنداق مۈشكۈللۈككە دۇچار قىلغانىدى. ئاخىر پەرغانە (نەمەنگان) نۇسخىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە يەكەندىن 474 - ۋە 494 - ھىجرىيىگە (مىلادىيە 1081 - ۋە 1101 - يىلىغا) ئائىت ۋەسىقىلەرنىڭ تېپىلىشى بۇ مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى①. بىزنىڭ مۇھاكىمىمىزچە، خانلىق تەختىدە 28 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئەبۇل ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغراخان (1074 - 1102 - يىللىرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان) يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئون نەچچە ياش چامىسىدا كىچىكرەك بولۇشى ئېھتىمال. بۇنىڭدىن باشقا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز داستانىدا ئەبۇ ئەل ھەسەن بۇغراخانغا قېرىلىق ۋە ئۆلۈم توغرىسىدا ئېيتقانلىرى ئۇنىڭ قېرىلىق توغرىسىدىكى پىكىر - تۇيغۇلارغا بۇغراخانغا قارىغاندا خېلى بالدۇر قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنى ئەبۇ ئەل ھەسەن بۇغراخانغا ئۇ خانلىق تەختىگە «خۇددى كۆتۈرۈلۈپ چىققان قۇياشتەك» ئولتۇرغان، مۇھىت خۇددى «باھار پەسلى مەنزىرىسىگە ئوخشاش گۈزەللىك بىلەن يوپۇقدالغان» ۋاقىتتا يېزىپ بېغىشلىغانمۇ؟ ياكى ئۇ تېخى شەرقىي قاراخانلارنىڭ خاقانى توغرۇل قاراخان (1058 - 1074) ھۆزۈرىدا ئورۇنباسار بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىلىم - قابىلىيىتى ھەم يېقىنقى سەلتەنەت ئىستىقبالىنى ئالدىن بايقاپ ئۇنىڭغا

① بۇ ۋەسىقىلەردە بىردەك «ئەبۇل ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخان» دەپ يېزىلغان. بۇ سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئارسلانخان (نۇرىلدەۋلە) نىڭ چوڭ ئوغلى ئەبۇل ھەسەن بۇغراخاننىڭ دەل ئۆزىدۇر.

28-بەت

تەقدىم قىلغانمۇ؟ داستاننىڭ «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى بايانىدا» دېگەن بابى ئەبۇل ھەسەن تابغاچ خان بۇغراخانلىق سەلتىنەتكە ئولتۇرغاندا يېزىلىپ، داستانغا كىرگۈزۈلگەنمۇ؟ بۇ خىل قىياسىي مۇھاكىمىلەرگە سەۋەب بولغان نەرسە «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئاساسىي ئورگىنالى ئىچىدىكى 6495 بېيىت بىلەن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچىنچى قەسىدىسىدىكى 6623 بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسرالىرى ئوخشاش، ئىككىنچى مىسرالىرى پەرقلەنگەن نەزمىدىكى كىتابنى 465 ھىجرى (مىلادىيە 1069 1070 يىللىرى)، 18 ئاي سەرپ قىلىپ (6624 بېيىت) تاماملىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بىلەن قاراخانىلار نەسەبنامىسىگە بېرىلگەن سەلتىنەت يىللىرى تىزىمىدا ئەبۇل ھەسەن تابغاچ خاننىڭ بۇغراخانلىق تەختىگە 1074 يىلى چىققانلىقى ئارىسىدىكى ئۈچ يىلدىن ئىبارەت. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەسرىي ۋە نەزمىي مۇقەددىمىلىرىدە ئەسەر يېزىلىپ بولۇپلا خانغا سوۋغا قىلىندى دەپ جەزىملەشتۈرۈلمىگىنىدەك، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېھتىماللىقلار بىلەن تېخى پۈتۈنلەي رۇشەنلىشىپ كەتمىگەن قاراخانىلار نەسەبنامىسى يىلنامە تەتقىقاتى ناتوغرىلىقلاردىن خالىي دەپمۇ جەزىملەشتۈرمىگەن ياخشىراق.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاچان ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ ئەبۇ ئەل ھەسەن بۇغراخان دەۋرىدىكى تىنچ - ئاسايىشلىق مۇھىتتا خانلىق ھۇزۇرىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خاس ھاجىپلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە پايدىلىق كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى كۆرسىتىپ زور شۆھرەت قازىنىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.

يېقىندا مەلۇم بولۇشىچە، زوھۇرىدىن ھاكىم بەگ قەشقەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان ۋاقىت (1830 1848) تا بەدىئىي

29-بەت

ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر شائىرى مىر ھۈسەيىن سەبۇرى ئۆزى باشلىغان «بەھەرىل ئەنسەپ» (نەسەب دەرىياسى) ناملىق ئەسەرىنىڭ داۋامىنى ئۆز شاگىرتى سۇپى ئاللا يارىنىڭ يېزىپ تۈگىتىشىگە تاپشۇرغان. ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە «ھەزرىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھىجرىيىنىڭ 478 - يىلى ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ قەبرىسى كونا ھىسار (ئەسكى سار) نىڭ شىمالىدىكى پاي ئابدا … ئامىن، مەن شەيخ دۇئا قىلغۇچى مۇھەممەد سايىم سۇپى ئاللا يارى» دېگەن خەتنى پارسچە يېزىپ قويغان① . ئەگەر بۇ مۇلاھىزە توغرا دېيىلسە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1085 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ 66 – 67 يىل ياشاپ، قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە قىزىل دەرىيا بويىدىكى بارگاھلىق يېزىسىغا دەپنە قىلىنغان. ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ 1120 - يىلى قىزىل دەرىياغا كەلكۈن كېلىپ ئەتراپنى نابۇت قىلغاچقا، ئەھمەد بىننى ھارۇن خان ۋاقتىدا قەبرىگاھلىقتىكى ئالىمنىڭ جەسەتى ھازىرقى پايناپ (پايى ئاب) يېزىسىغا كۆچۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغان ۋە قەبرىگاھلىق بىنا قىلىنغان، شەيخ - جارۇپكەشلەر قويۇلغان. ھىجرىيىنىڭ 1074 - يىلى (مىلادىيە 1665 - يىلى) يەكەن خانلىرىدىن ئابدۇللاخان، ھىجرىيىنىڭ 1242 - يىلى (مىلادىيە 1828 - يىلى) قەشقەر ھۆكۈمرانى ئىسھاق ۋاڭ قەبرىگاھلىقنى قايتا - قايتا ئىسلاھ قىلىپ، رەڭلىك كاشىلار بىلەن «كۆك گۈمبەز» مەقبەرىسى ھالىتىگە كەلتۈرگەن. 1972 - يىلى بۇ قىممەتلىك يادىكارلىق ۋەيران قىلىنغان. 1986 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 107 - نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ ۋە بىر يېرىم مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يۈسۈپ خاس

30-بەت

ھاجىپنىڭ يېڭى ياسالغان قەبرىگاھلىقىنى 1989 - يىلى ئۆكتەبىردە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلدى. شۇ يىلى 16 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى قەشقەر شەھىرىدە «مەملىكەتلىك 2 - قېتىملىق ‹قۇتادغۇبىلىك› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى، چۈشتىن كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مەقبەرىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايون رەئىسى تۆمۈر داۋامەت لېنتا كەستى ۋە ئالىمنىڭ قەبرىسىگە يوپۇق ياپتى.

گەرچە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇقەددىمىلىرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالاساغۇندا ماكان تۇتقان يۇقىرى قاتلامغا مەنسۇپ ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى① ، ئۆز ئەسىرىنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلاپ، خانلىق ئوردا شەھىرى بولغان قەشقەردە ئاياغلاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەشقەر بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، مۇئەللىپ ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەشقەرگە كەلمىگەن دېگەن خۇلاسە تۇغۇلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر يۇرتى بالاساغۇن قەشقەرگە يېقىن ۋە بۇ چاغدا خاقانىيە ئۆلكىسىگە قاراشلىق بىر ۋىلايەت بولۇپ، تولا ۋاقىتلاردا بۇغراخانلار جەمەتىنىڭ خانزادىلىرى باشقۇرىدىغان ئىلىك خانلىق ياكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش سەنئىتىنى ئۆگىنىۋېلىش سەھنىسى ھېسابلىناتتى. قەشقەر بولسا قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئەينى زاماندىكى سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ مەركىزىي ئوچىقى بولۇپ، مەرىپەت ئىزدەگۈچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك يۇقىرى قاتلام تالىپلىرىنىڭ ئالىي مەلۇماتنى قەشقەر مۇدەررىسلىرى ۋە ھۆكۈمالىرىدىن ئېلىشى تولىمۇ تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر Ⅷ

① ئالما - ئاتادا چىقىدىغان «يۇلتۇز» ژۇرنىلىنىڭ 1983 - يىللىق سانلىرىدىن بىرىدە يۈسۈپنى خانلىق سازەندىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاساس يوق.

31-بەت

ئەسىردىكى تىبەتلىكلەر مۇداخىلىسى بىلەن XIII ئەسىر بېشىدىكى غەربىي قىتانلار مۇداخىلىسى ئارىسىدىكى ئالتە ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە ئاساسەن تىنچ - ئاسايىشلىق شارائىتىدا غايەت زور گۈللەندى. مۇنداق تىنچ - ئاسايىشلىق ۋەزىيەتكە ئەينى زامان شارائىتىدىكى بۇخارا، سەمەرقەنت، مەرۋى، بەلخ، ھەتتا «تىنچ شەھەر» دەپ ئاتالغان باغدادمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان.

شۇنىمۇ دىققەتكە قارىتىش لازىمكى، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ رۇسچە نۇسخىسىنى ئىشلىگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى پروفېسسور ئا. ن. كونونوف ئۆزىنىڭ «يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ داستانى ‹قۇتادغۇبىلىك›» سەرلەۋھىلىك مۇقەددىمىلىك ماقالىسىدە: «يۈسۈپ بالاساغۇنى تۇغۇلغان بۇ شەھەر ‹قۇز ئوردا› نامى بىلەن مەشھۇر بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى»① دەپ يازسا، ئۇيغۇر ئالىمى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى مۇرات ھەمرايوف «دەۋر سەھىپىلىرى» ناملىق كىتابىدا: «بالاساغۇن شەھىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا گۇمانلىق بولسىمۇ، لېكىن يۈسۈپنىڭ ياشاپ ئىجادىيەت قىلىپ بارغان جايى قەشقەر توغرىسىدا ھېچقانداق گۇمان يوق»② دەپ يازغانىدى. بالاساغۇننىڭ ئوردا كەنت — قەشقەرگە يېقىنلىقى ۋە ھاۋاسىنىڭ سالقىنلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇز ئوردا» (تەسكەيدىكى ئوردا) دەپ ئاتالغانلىقى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە تىلغا ئېلىنغان. بالاساغۇن زادى قەيەردە؟ سۇياپ (چۇئاب) قەلئەسى دەپ قارالغان ئاقپېشىن بىلەن «قۇز ئوردا» نىڭ

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 1989 - يىلى ئۈرۈمچى نەشرى، 4 - بەت. ② مۇرات ھەمرايوف: «دەۋر سەھىپىلىرى» ، 1972 - يىلى ئالما - ئاتا نەشرى، 84 - بەت.

32-بەت

ئالاقىسى قانچىلىك؟ مانا بۇ ھېچقانداق چەكلىمىسىز تەتقىق قىلىشقا بولىدىغان ئوچۇق ۋە قىزىقارلىق تېما.

«قۇتادغۇبىلىك» قەشقەردىن ئىبارەت ئەينى زامان يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالاقىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە كلاسسىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكىدە مەيدانغا كەلگەن. مىڭلىغان يىللاردىن كېيىنكى جۇغراپىيىلىك - ئېتنىك ئۆزگىرىش تۈپەيلى، ئاللىقاچان خارابلاشقان ۋە ھەقىقىي ئورنى نامەلۇم تۇرۇۋاتقان بالاساغۇننى قەشقەر خانلىقى ۋە قەشقەر ئەدەبىي تىلى، قەشقەر شەھەر مەدەنىيىتى چەمبىرىدىن ئايرىپ تاشلاش بىمەنە ئۇرۇنۇشتۇر. «قۇتادغۇبىلىك» بوستان مەدەنىيىتى، شەھەر مەدەنىيىتى ۋە كلاسسىك ئوردا مەدەنىيىتىنى بىر گەۋدە قىلغان قەشقەر مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، خەلقئارا سودا مۇناسىۋەتلىرىسىز مۇنداق كلاسسىك ئەسەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوقۇش تارىخى بىزگە مەلۇم ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بىز «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مول مەزمۇنلۇق سەھىپىلىرىدىن ئالىمنىڭ پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تېبابەتچىلىك، تىلشۇناسلىق، لوگىكا، شېئىرىيەت ئىلمى، دراماتورگىيە، ئەخلاقشۇناسلىق، ئېستېتىكا، قانۇنشۇناسلىق، ئىقتىساد ئىلمى، سىياسىي باشقۇرۇش سەنئىتى، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىلىم، مائارىپ، دىنشۇناسلىق، فولكلور ۋە تارىخ قاتارلىق پەنلەردىن كاتتا بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، يالقۇنلۇق ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۇر، يېڭىلىق ھامىيسى ۋە ماھىر تىل ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ باي ۋە كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ئاساسىنى شۇنىڭدەك كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىنى روشەن كۆرۈۋالالايمىز.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىندىۋىدۇئال خۇسۇسىيەتلىرى

33-بەت

بىلەن خاراكتېر ئالامەتلىرى قىزىقارلىق تېما بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇ توغرىلىق ئۇنىڭ داستانىدىكى تەپەككۈر ئوبرازلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىۋاسىتە ماتېرىيال مەنبەسىگە ئىگە ئەمەسمىز. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 31 - بابىدىكى «ئۇلۇغ ھاجىپ» شەرتلىرى توغرىسىدىكى بايانلارنى گەرچە دەل يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پېرسوناژ تەسۋىرى دېيىشكە ئاساسىمىز بولمىسىمۇ، بۇنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىندىۋىدۇئال خۇسۇسىيەتلىرىگە زىت، ھەتتا يىراق دېيەلەمەيمىز. بۇنىڭ مۇھىملىرى بىلىملىك، ئەقىللىق، زېرەك، ئېغىر - بېسىق، پاك ۋە تەقۋادار، كەمتەر، مۇلايىم، ھايالىق ۋە سىر ساقلايدىغان، خۇيى ئىللىق ۋە مېھرىبان، جۈملىدىن قوڭۇر چاچ - ساقاللىق، يۈز - كۆزى ۋە ئاۋازىمۇ يېتەرلىك گۈزەل، يېقىملىق بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە 2487 - ، 2488 - بېيىتتىن تەشكىل تاپقان رۇبائىيدا مۇنداق يېزىلغان:

ھاجىپلىققا ئاشنۇ بۇ ئون نەڭ كېرەك يىتى كۆز قۇلاق ساق كۆڭۈل كەڭ كېرەك يۈزى كۆركى بود تىل ئۆقۈش ئۆگ بىلىك قىلىنچى بۇلارقا تۈكەل تەڭ كېرەك [ھاجىپلىققا ئاۋۋەل بۇ ئون نەڭ① كېرەك، ئىتتىك كۆز، قۇلاق ساق، كۆڭۈل كەڭ كېرەك. گۈزەل يۈز، بوي، تىل، ئەڭ، ئەقىل ۋە بىلىم، خۇلق - مىجەز بۇلارغا تولۇق تەڭ كېرەك.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھىي ھايات تارىخىدا بىر تەكشى ئۆتمىگەن، ئۇنىڭ مىللەتنى تۈزەش تەشەببۇسلىرى بىلەن تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھات پروگراممىلىرى ئەينى زاماندىكى لەنىتى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ رەشك - ھەسەت، پىتنە -

① نەڭ — نەرسە.

34-بەت

• 30 • بىرىنچى پەسل مۇقەددىمىلىك بايان

پاساتلىرىغا، دوست ئەقرىبالىرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا دۇچ كەلگەن. رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ «ئىسلام قامۇسى، ‹قۇتادغۇبىلىك›» تېمىسىغا يازغان ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «شەخسىي نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتلەر ئارقىسىدىن يۈگۈرىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا شائىر مۇتەپەككۇر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ قوغدىلىشى ئاسان بولمىغان» ، «چوڭقۇرراق تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا، بۇ ئەسەرنىڭ ئىچ ئىچىدىن قاينىغان بىر ھېسسىيات ۋە جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بىلەن يېزىلغانلىقى چۈشىنىشلىك بولىدۇ، بۇ ھال شائىرنىڭ ئۇلۇغۋارلىق دەرىجىسىنى يۇقىرىلاتقان. »① دەرھەقىقەت، داستاننىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان مىسرالاردىن پازىل پەزىلەت ئىگىسى، كامىل كامالەت ئىگىسى ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ مەشئەلچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ماددىي مەئىشەتتە كەم كۈتىسىزلىكى، ئەمما بۇزۇلغان ئىجتىمائىي روھىيەتتىن ئېغىر خورسۇنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس②. ئۇ 6601 بېيىتتا مۇنداق يازغاندى:

چادان تەگ تىكەلەر چىپۇن تەگ سورارلار كۆپەك تەگ ئۈرەلەر قايۇسىن ئۇرايى [چاياندەك چاقارلار، چىۋىندەك شورارلار، ئىتتەك قاۋارلار، قايسىنى ئۇراي مەن.]

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 263 بەت. ② داستاننىڭ 3413 3419 بېيىتلىرى بىلەن 3422 بېيىتلىرىغا قارالسۇن.

35-بەت

3. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ كىتابەت نامى ۋە خاراكتېرى

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ نامى ۋە خاراكتېرى ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقان مۇنازىرىلىك مۇھاكىمىلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىمىزنى شەرھلەپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 350 ، 351 ، 352 بېيىتلىرىدا كىتاب نامى توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:

كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇبىلىك قۇتادسۇ ئوقۇغلىقا تۇتسۇ ئەلىگ [كىتاب ئاتى قويدۇم قۇتادغۇبىلىك، قۇتاتسۇن ئوقۇغۇچىغا تۇتسۇن ئەلىگ.] سۆزۈم سۆزلەدىم مەن بىتىدىم بىتىگ سۇنۇپ ئىككى ئاجۇننى تۇتغۇ ئەلىگ [سۆزۈم سۆزلەدىم مەن، پۈتتىم بىتىگ، سۇنۇپ ئىككى دۇنيانى تۇتسۇن ئەلىگ.] كىشى ئىكى ئاجۇننى تۇتسا قۇتۇن قۇتادمىش بولۇر بۇ سۆزۈم چىن پۈتۈن [كىشى تۇتسا بەخت بىرلە ئىككى جاھان، بەختلىك بولۇر، بۇ سۆزۈم چىن ھامان.]

روشەنكى ، مۇئەللىپ ئۆز كىتابىنى «قۇت ئاتا قىلغۇچى بىلىم» نامىدا ئاتىغان ۋە كىتابتىكى ھېكمەتلەر ئارقىلىق ئىلىگ ۋە كىشىلەرگە ھەم «ئىككى جاھان» لىق ئۈچۈن ئەسقاتىدىغان قۇت بىلىملىرىنى بىلدۈرمەك بولغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ نامى ھەققىدە ھەرخىل چۈشەندۈرۈشلەر ساقلانماقتا. بۇلارنى ئومۇمەن مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: گ. ۋامبېرى، ۋ. رادلوف، س. ئې. مالوف (1880

36-بەت
  1. ، ۋ. تومسىن، رەشىد رەھمەتى ئارات، ئا. ئى. كرىمىسكى، س. ف. ئىۋانوف، قەييۇم كەرىموف قاتارلىق ئالىملار بۇ داستان نامىنى «بەختلەندۈرگۈچى بىلىم»، «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم»، «بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم»، «بەخت كىتابى»، «راھەتبەخش بىلىم»، «بەخت بىلىمى» دەپ ئىزاھلاشتى.

ۋ. ۋ. بارتولد، جاۋپېروت، مىلىئورانسكىي، كاپسوغلۇ، ئا. ۋالىتوۋا قاتارلىق ئالىملار بۇ كىتاب نامىنى «پادىشاھلارنى سۆپەتلىگۈچى بىلىم» ① ، «سەلتەنەت بىلىمى»، «سىياسىي ھاكىمىيەت بىلىمى»، «باشقۇرۇش بىلىمى» دەپ ئىزاھلاشتى.

«قۇتادغۇبىلىك»نى بەخت بېغىشلىغۇچى بىلىم دەپ ئىزاھلىغۇچىلار «قۇت» ئىبارىسىنى «بەخت»، «بەخت - سائادەت» مەنىسىدە چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، بۇ داستاننىڭ تېماتىك مەزمۇنى ۋە مەقسەتدارلىقىنى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى نۇقتىسىدىن ئىزاھلىسا، «قۇتادغۇبىلىك»نى سەلتەنەت بىلىمى دەپ ئىزاھلىغۇچىلار «قۇت» ئىبارىسىنى «ھاكىمىيەت»، «سەلتەنەت» مەنىسىدە چۈشەندۈرۈش بىلەن، بۇ داستاننىڭ تېماتىك مەزمۇنى ۋە مەقسەتدارلىقىنى ئېلىگ ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىنى ئەقىل، بىلىم، قانۇن بىلەن باشقۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش نۇقتىسىدىن ئىزاھلايدۇ. بارتولد قاتارلىقلار بۇ ئەسەرنىڭ بۇغراخانغا سۇنۇلغانلىقى، ھەم دۆلەت، ھەم جامائەت مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى، بۇ ئەسەرنىڭ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن جايلاردا «ئەدەبۈلمۈلۈك» (دۆلەت قائىدىلىرى)، «ئايىنۇل مەملىكە» (دۆلەت ئايىنى)، «زىينەتۈلئۈمەرا» (ئەمىرلەر زىننىتى) قاتارلىق شۆھرەتلىك

① بۇ كۆزقاراش ئىزچىل يوسۇندا بارتولدقا خاستۇر.

37-بەت

ناملاردا ئاتالغانلىقىغا قاراپ ئونى ئەنە شونداق خاس ئوردا كىتابى تەرزىدە چوشەندوردى. بو «قوتادغو بىلىك» نىڭ كەڭ جامائەتچىلىككە قارىتىلغان ئىنسانپەروەر روھى ۋە تېماتىك مەزمونىنى چوشىنىشكە نوقسان يەتكوزىدو.

«قوت» ئىبارىسى قەدىمكى ئويغور يازما مەنبەلىرى ھېسابلانغان ئورخۇن مەڭگو تاشلىرى بىلەن تورپان تىكستلىرىدە، مەھمود قەشقىرى بىلەن سىڭقو سەلى ئىشلىگەن ئەسەرلەردە گەرچە موقەددەسلىك، ئىلاھىيلىق، تادو (نەرسە) ۋە ئولوغ سىما مەنىلىرىگە ئىگە بولسىمو، ئاساسلىقى تولىمو روشەن ھالدا بەخت - سائادەت مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.

«بىلگە قاغان مەڭگو تېپىشى» دا: «قوت تەڭرى ياشار، كىشى ئوغلى قوپ ئولگەلى تورمىش» (قوت تەڭرى ياشار، كىشى ئوغلى ئولوپ كېتەر)، «كولتىكىن مەڭگو تېپىشى» دا: «تەڭرى يارلوق دوقتىن ئوچون، ئوزوم قوتوم بار ئوچون قاغان ئولوتىم» (تەڭرى قوللىغانلىقىدىن، ئوزومنىڭ بەختىم بولغانلىقى ئوچون قاغان بولدوم) دەپ يېزىلغان. «ئويغورچە قانۇن ۋەسقىلەر» دە: «ئىدقوت تەڭرى كەنىمىز» (بىزنىڭ موقەددەس تەڭرىمىز) دەپ يېزىلغان. «ئوغوزنامە» دە: «مەن سىڭا باشىمنى، قوتومنى بېرەمىن» (مەن ساڭا بېشىمنى، جېنىمنى بېرىمەن) دەپ يېزىلغان. «تورپان تېكستلىرى» دە: «قاموغ قوتلار ۋە ھىش ئىكلەر تور قايو ئىيە باساكويو قوپاتو تورورلار» (بارلىق روھلار ھەممە جايغا نەزەر تاشلاپ ئىزمو ئىز قوغداپ توروشىدو)، «گراھى سەنچەر ئول قوتى سوۋ» (ساتورىن سەييارىسنىڭ زاتى سودور)، «يوقونور بىز لىمچىن ئاتلىق يولتوز قوتىگا» (بىزلىمچىن ئاتلىق يولتوز زاتىغا سەجدە قىلورمىز)، «ئون توقوز ياشلىق ئىرور قوتى تويراق» (بو زاتى تويراقنىڭ يېشى 19 دا ئىدى) دېيىلگەن. سىڭقو سەلى تەرجىمە قىلغان «ئالتون ياروغ» (سوۋارنا پرابىھا) دا: 《大福》 ئىبارىسىنى ئويغورچە

38-بەت

«ئۇلۇغ قۇت» دەپ، 《善福》 ئىبارىسىنى «تۈزۈن قۇتلۇغ» دەپ، 《福德》 ئىبارىسىنى «قۇتلۇغ بۇيانلۇغ» دەپ تەرجىمە قىلىش بىلەن ئىلاھىي ناملار ئارقىسىغا «قۇتى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتىغان. مەسىلەن، 《我向善智菩萨摩诃萨礼拜》 دېگەن جۈملىگە «قۇت» ئىبارىسىنى قوشۇپ، ئۇنى «يۈكۈنۈرمەن تۈزۈن بىلىگە بىلىگلىك يودساتۋا ماهاسا تاۋ قۇتىغا» دەپ تەرجىمە قىلغان.

دېمەك ، «قۇت» ئىبارىسى «قۇتلۇغ» ، «بەخت» ، «مۇقەددەس» ، «جان» ، «روھ» ، «زات، ئېلىمېنت» ، «شەرىپى» قاتارلىق ئالماش مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بەختنى چۆرىدىگەن، ئۇنىڭغا ھالال ۋە شەرەپلىك خاراكتېرىستىكا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ ئادەتتىكى بەخت - سائادەت ( «ماڭلىغ» ) تىن پەرقى، ئۇنىڭ ئالەم قانۇنى ۋە كىشىلىك قائىدىلىرىگە لايىق مۇقەددەس، ھالال ۋە يوللۇقلۇقىدۇر. بۇ ئىبارىنى ئىنسان بىلەن ئىلاھىيەتنىڭ ۋە ئىنسان بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوق قىلغان مەدەنىيەت تىپىدىن ئايرىغان ھالدا، ئىنسان بىلەن پادىشاھ ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتىنى ئوق قىلغان مەدەنىيەت تىپى بويىچە ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى «دۆلەت» ئىبارىسىنىمۇ «بايلىق» ۋە «ھاكىمىيەت» تىن ئىبارەت ئىككى مەنىدە چۈشىنىدۇ. مېنىڭچە، «قۇت» ئىبارىسىگە قارىغاندا، «دۆلەت» ئىبارىسى خېلىلا كېيىن ۋە پەرقلىق مەنىدە شەكىللەنگەن.

«بىلىگ» ئىبارىسى بىلىش كرىستالى بولغان بىلىم مەنىسىدە بولۇپ، «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دا: «ئايىغ بىلىگ ئانتا ئۇيۇر ئېرمىش» ( ئۇندا ئۇ بىلىم ئۆگەندى ) ، «بىلىگسىز قاغان ئولۇرمىش ئېرىنج» (بىلىمسىز قاغانلار ئىدى) دەپ يېزىلغان بولسا، مۇئەللىپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇرچە تېكىستلەردە: «ئەي مېنىڭ قىزىم بىلگا بىلىگىن مىنتادا ئۆتتۈك يىگەدتەك»

39-بەت

(ئەي مېنىڭ قىزىم ئەقلىڭ ۋە بىلىمىڭ تۈپەيلى غەلىبە قىلدىڭ)، «تۆكەل بىلگا بىلىگلىگ تەڭرى تەڭرىسى بۇرقان» (مۇكەممەل ئەقىل ۋە بىلىملىك تەڭرى تەڭرىسى بۇرقان) دەپ، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» تا بولسا: «بىلىگلىگ ئەر ئۆلدى ئاتى ئۆلمەدى» (بىلىملىك ئەر ئۆلدى، نامى ئۆلمىدى) دەپ يېزىلغان.

( شۇنداق قىلىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ نامى ئېتىمولوگىيىلىك جەھەتتە، «قۇت» (بەخت)، «قۇتادغۇ» (بەختلىك قىلغۇچى، بەخت بېغىشلىغۇچى، بەختكە مۇيەسسەر قىلغۇچى)، «بىلىگ» (بىلىم) دېگەن سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرىدىن فېڭ جياشېڭ «قۇتادغۇبىلىك» نى 《福乐智慧》 دەپ تەرجىمە قىلدى. بۇنىڭدىكى 《智慧》 ئىبارىسى «ئەقىل - پاراسەت» مەنىسىدە بولسىمۇ، يەنىلا «بىلىم» مەنىسىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» جانلىق مەنىدە «ئىجتىمائىي بەخت ھەققىدىكى بىلىم» دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. شۇنداق بولۇشقا قارىماي، بىر قىسىم شەرقشۇناسلار «قۇتادغۇبىلىك» سۆزىنى خاس شاھلار دەستۇرى، ھۆكۈمرانلىق قىبلىنەمىسى، دۆلەت قائىدە - نىزامنامىسى دەپ ئىزاھلاپ، قىسمەنلىكنى ئومۇمىيلىق، ۋاسىتىنى مەقسەتدارلىق ئورنىغا دەسسەتتى.

شۇنى تەكىتلەش لازىمكى، «قۇتادغۇبىلىك» ھەممىدىن ئىلگىرى خەلققە، كەڭ كىشىلىك جەمئىيەتكە قارىتىلغان، ئۇنىڭ بىر پۈتۈن پەلسەپەۋى ۋە ئىدىيىۋى كۆز قاراشلار سىستېمىسى كەڭ ئاھالە ۋە ئۇنىڭ ئورتاق ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. بۇ «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك تۈپ مەسىلە ۋە ئاساسىي مەقسەت ھېسابلىناتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇشۇ تۈپ مەقسەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە خۇددى تەڭرىنىڭ

40-بەت

تەبىئەتنى گارمونىك باشقۇرغىنىغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ خاقان باشچىلىقىدىكى دۆلەت تەرىپىدىن توغرا ۋە ياخشى تەشكىللىنىشى، دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنىڭ بەرپا قىلغۇچى قورالى بولۇشى لازىملىقىنى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلغان. «قۇتادغۇبىلىك» تە سۆزلەنگەن ئەقىل - پاراسەت، بىلىم ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرى يالغۇز دۆلەت باشلىقىغا ئەمەس، ھەممە بەخت ئىزدىگۈچىلەرگە قارىتىلغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن روشەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئۆز داستانىغا «بەخت بېغىشلىغۇچى بىلىم» ماۋزۇسىنى قويۇشقا ئىلھام بەرگەن ئىدىيە ھەممىدىن ئىلگىرى قانداقتۇر خاقانلارنىڭ شەخسىي ۋە ئوردا ئىشلىرىدىكى بەخت كاتېگورىيىسى بولماستىن، بەلكى ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۆز ۋەتىنىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار» («كىتاب ئەرەئى ئەھلى مەدىنە تۇل فازىلە»)، «بەختكە ئېرىشىش يوللىرى توغرىسىدا رىسالە» («رىسالەفىت تەنبى ئەلەسبابىس سائادەت»)، «بەخت توغرىسىدىكى تەپسىل كىتابى» («كىتابەت تەفسىلەس سائىدەت») قاتارلىق ئەسەرلىرىدە گەۋدىلەنگەن كەڭ ئاھالىنىڭ رېئال دۇنيا ۋە مەۋجۇت دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى كاتېگورىيىسى ئىدى. خۇددى ئاكادېمىك غوپۇروف بىلەن قاسىمجانوف تەكىتلەپ كۆرسەتكىنىدەك: «يۈسۈپ ئۆزىنىڭ تېماتىك داستانىنى ئەل فارابىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي كۆز قاراشلىرى بىلەن تۇتاشتۇرغانىدى. ئۇ بەخت مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ غايىۋى دۆلەت تەلىماتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى سۈپىتىدە ئىزچىللاشتۇرغان، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ سىياسىي ۋە

41-بەت

ئەخلاقىي يوللارنى ئۇتتۇرغا قويغان» ① ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ داستانىنىڭ «يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرژ بايانىدا» ناملىق بابىدا سۆزنى ئالەم تۈزۈلمىسى ۋە ئالەم گارمونىيىسى كۆز قاراشلىرىنى ئىزاھلاشتىن باشلاپ، بىردىنلا ئىنسان تېمىسىغا بۇرۇلغانلىقى، ئالەمنىڭ ئاساسى بولغان تۆت زاتنى تىلغا ئېلىشتىن، داستاننىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى يورۇتقۇچى سىمۋوللۇق خاراكتېردىكى تۆت پېرسوناژنى بايان قىلىشقا ئۆتكەنلىكى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 147 - بەيىتتا مۇنداق يازىدۇ:

باسا ئايدىم ئەمدى مۇنۇ يالغۇقۇغ ئاغىرلىقى بولدى بىلىك ئۆگ ئۇقۇغ [بۇ ئىنسان بايانىن قىلاي ئەمدى مەن، قەدىر تاپتى ئەقلى، بىلىم - ئاڭ بىلەن.]

دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ كىتابەت نامى ئۇنىڭ كىتاب خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەزمۇن روھىيىتى بىلەن ئىزچىل بىردەك بولغان.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ كىتابەت خاراكتېرى ئۈستىدىمۇ ئوخشاشمىغان قاراشلار ساقلانغان. بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى «قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسىنىڭ مەلۇم بىر ساھەسى، مەلۇم بىر سالونى گەۋدىلەندۈرگەن قىممىتىدىكى تېماتىك مەزمۇنلارنى كىتابنىڭ خاراكتېرىستىكىسىنى بەلگىلىگۈچى ئاساس دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىقسا، بەزىلىرى ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئىپادىلەش شەكلى ياكى بەدىئىي ۋاسىتىلىرىنى كىتابنىڭ خاراكتېرىستىكىسىنى بەلگىلىگۈچى ئاساس دەرىجىسىگە

① غ. غۇپۇروف، ئا. قاسىمجانوف: «مەدەنىيەت تارىخىدا ئەلفارابى»، 1975 - يىل ئالما - ئاتا، رۇسچە نەشرى، 169 - بەت.

42-بەت

كۆتۈرۈپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا «قۇتادغۇ بىلىگ»نى تەپسىلىي تەتقىق قىلماي قارىسىغا پىكىر بايان قىلغان، ھەتتا ئىرانسۇناس مەشھۇر ئالىم ۋ. ۋ. بارتولدتەك «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىغا بۇرۇملاش خاراكتېرلىك پىكىر بايان قىلغان ئالىملارمۇ بولغان.

ۋ. ۋ. بارتولد «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە يەڭگىلتەكلىك بىلەن بىر قانچە قېتىم توختالغان. ئۇ «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تارىخى ھەققىدە لېكسىيەلەر» ناملىق ئەسىرىدە: «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ ئەسىرىدە ھېچقانداق بىر تارىخىي شەخسنىڭ نامى يېزىلمىغان. بۇ جەھەتتە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› پارسچە يېزىلغان ئۈلگىلەرگە نىسبەتەن قىممىتى بەكلا تۆۋەن بىر ئەسەردۇر»① ، داستاندىكى پېرسوناژلار «ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئەمەس»② ، «بىمەنە تەمسىللەر (مەسىلەن، شائىر ئادالەتنى ئەمىر، دۆلەتنى ۋەزىر دەپ كۆرسىتىدۇ) ۋە ھاياتتىن خېلىلا يىراق بولغان بىر يۈرۈش بوش نەسىھەتلەرنى كۆرىمىز»③ دەپ يازغان. ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىغا ئاساس سالغۇچى ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشقان بۇ ئالىمنىڭ روھىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە تەتقىقاتىدىكى يەڭگىلتەكلىكى بىلەن تەتقىقات پوزىتسىيەسىدىكى ئېھتىياتسىزلىق تۈپەيلى سادىر قىلغان بىر قاتار جىددىي خاتالىقلىرىنى بىز ۋە بىزدىن كېيىنكى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار داۋاملىق تەنقىد قىلىدۇ. ئاجايىپ ھېكمەت قامۇسى ۋە بىلىم خەزىنىسى ھېسابلانغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ئۇنى قوپاللىق بىلەن بۇرۇملىغان مۇخالىپلىرىغا ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە رەددىيە بەرگۈچى ئەقىل ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغانلىقىغا، يەنە قانداق شۈبھە بولسۇن؟!

«قۇتادغۇ بىلىگ» نى ۋېنگىرىيە ئالىمى ژ. تەھوردى

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە» ، 127 - بەت .

② «بارتولد ئەسەرلىرى» ، V توم ، 113 - بەت .

③ «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە» ، 126 - بەت .

43-بەت

«خەنزۇچە بىرەر ئەسەرنىڭ تۈركچە كۆز قاراش ياكى شۇ خىل كۆز قاراشقا ئۇيغۇن تەرىزدىكى بىر تەرجىمىسىدىن ئىبارەت»① دەپ ھۆكۈممۇ قىلىپ كۆردى . ئەمەلىيەت بۇ ھۆكۈمنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئاساسلانمىغان تەخمىن ۋە خىيالىي نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .

«قۇتادغۇبىلىك»نى دىنىي دەستۇر دېگەن قاراشتىكىلەرگە بومباچى بىلەن دەي كاڭشېڭ ، فېڭ جىنيۈەن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن . بومباچىنىڭ قارىشىچە : ئەسەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇكەممەل مەھسۇلى ، ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئۈستۈن ئورۇن تۇتقان ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي تەركىبلىرىگە ئىسلام تامغىسى بېسىلغان② . دەي كاڭشېڭ ، فېڭ جىنيۈەنلەر «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دىنىي پەلسەپەۋى ئىدىيىسى» ناملىق ماقالىسىدە تولىمۇ ئېنىق مەنتىقىلىق زىددىيەتلەر ئاساسىدا بولسىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراشلىرىنى ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرى [17] ۋەكىللىكىدىكى ئىسلام مەدرىس پەلسەپىسى — «كالامىزىم»غا تەۋە قىلىدۇ ۋە «قۇتادغۇبىلىك»تە سۈننىي مەزھىپكە خاس ئىسلام دىنى دۇنيا قاراشلىرى بايان قىلىنغان ، دەپ تەرىپلەيدۇ③ . بۇ خىل قاراش ئىزچىل يوسۇندا كۆپچىلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ كەلگەن . كاپسۇغلو «قۇتادغۇبىلىك» ئاپتورىنىڭ «تەقۋادار مۇسۇلمان» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام تەسىرىدىن يىراقتا تۇرمىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان ھالدا ، بۇ ئەسەردە ئىسلام تەسىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىر قاتار پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ . ئۇنىڭچە ، «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۇلى بولغان تەرمىنىزملىق (بەلگىلەنگەن) جەبرىيەچىلىك (تەقدىرچىلىك)


① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 125 - بەت . ② يۇقىرىقى كىتاب ، 128 - بەت . ③ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، ئۇيغۇرچە 1989 - يىللىق 5 - سان .

44-بەت

چۈشەنچىسى ئەمەس ، بەلكى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىنساني چۈشەنچە جاري قىلىنغان① . س . ن . ئىۋانوف : «ئۇنىڭ تۈپ نېگىزىنىڭ سوپىزىمغا ياتمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈلىدۇ»② دەپ تەكىتلەيدۇ . بۇ خىل قاراشنىڭ ھېمايىچىلىرى ناھايىتى كۆپ .

«قۇتادغۇبىلىك» نى ئەدەپ - تەلىم بايان قىلىنغان دىداكتىك خاراكتېردىكى داستان دېگەن قاراشتىكىلەرگە قەييۇم كېرىموفنى مىسال قىلىش مۇمكىن . ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۆزبېك تىلىدىكى نەشرىگە يازغان كىرىش سۆزىدە : «ئۇ ئەخلاق ۋە ئەدەپ ، تەلىم ۋە تەربىيە ھەمدە مەنىۋى كامالەتنىڭ يوليورۇقىنى ، ئۇسۇلىنى ، تەدبىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ، جەملىگەن قامۇستۇر» ، «ئۇ تۈپ مەنىسى بىلەن دىداكتىك ئەسەر ، تەلىم - تەربىيە ۋە ئەدەپ - ئەخلاق دەرسلىكىدۇر»③ دەپ جاكارلىغان . «ئىسلام قامۇسى . قۇتادغۇبىلىك ، » تېمىسىدا ئەكس ھالدا : « <قۇتادغۇبىلىك> ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بويان يەڭگىللىك بىلەن جار سېلىنغىنىدەك ئۆز خوجايىنلىرىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئەخلاق دەرسى بەرگەن نوقۇل بىر نەسىھەت كىتابى ئەمەستۇر»④ دەپ يېزىلغان .

«قۇتادغۇبىلىك» نى سىياسىي - قانۇن دەستۇرى دېگەن قاراشقا سادىرى مەقسۇدى ئارسال ، كاپسوغلۇ قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن . س . م . ئارسال : «بۇ ئەسەر تۈركي خەلقلەر مەدەنىي مۇھىتىدا ئەسىرلەردىن بويان توپلانغان ئەخلاق ، سىياسەت ، قانۇنغا دائىر پىكىرلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر⑤ » دېسە ، كاپسوغلۇ : « <قۇتادغۇبىلىك> بىر پەلسەپە ياكى ئەخلاق كىتابى

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 133 - ، 135 - بەتلەر . ② يۇقىرىقى كىتاب ، 33 - بەت . ③ يۇقىرىقى كىتاب ، 75 - بەت . ④ يۇقىرىقى كىتاب ، 262 - بەت . ⑤ يۇقىرىقى كىتاب ، 129 - بەت .

45-بەت

بولۇشتىن كۆرە، كۆپرەك قانۇن ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ شەرتى بىلەن ۋاستىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان… سىياسەت كىتابىدۇر»① دەپ ئىزاھلايدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك»نى بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەر دېگەن مەسىلە ئۆزگىچىدۇر. بۇنى «قۇتادغۇبىلىك» شەكلەن شېئىرىي تۈستە يېزىلغان داستان دېگەن قاراشقا ۋە «قۇتادغۇبىلىك» بىر پۈتۈن ئەسەرلىك خاراكتېرى بىلەن ئەدەبىي ئەسەر دېگەن قاراشقا ئايرىش مۇمكىن. بۇ ماھىيەتتە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالدى بىلەن شائىر» (رەشىد رەھمەتى ئارات)② مۇ ياكى ئالدى بىلەن مۇتەپەككۇرمۇ دېگەن قاراشتىن ئىبارەت.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانى «ئىسلام قامۇسى. ‹قۇتادغۇبىلىك›» تېمىسىدا ئېكلىكتىك (قېتىشما) بىر ئەسەر سۈپىتىدە ئىزاھلانغان. ئۇنىڭدا: «‹قۇتادغۇبىلىك› بىر تارىخ. رايون ۋە شەھەرلەر تەسۋىرلەنگەن بىر جۇغراپىيە. دىن ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بىر دىۋان. ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدىيىلىرىگە سۆيۈنگەن بىر پەلسەپە. شەيخلەرنىڭ ھېكمەتلىرىگە تايانغان بىر نەسىھەت كىتابىدۇر»③ دەپ يېزىلغان. بۇ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ قامۇس (ئېنسىكلوپېدىك) ئەسەرلىكىنى گەۋدىلەندۈرمەستىن، ئۇنىڭ ئاساسىي تېماتىكىلىق مەقسەتدارلىقى، قاراتمىلىقى، پەلسەپەۋى پرىنسىپلىرى ۋە ئىزچىل بىر گەۋدىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك»نى تارىخ ۋە جۇغراپىيە تېماتىكىسى بويىچە قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى دىن، پەلسەپە ۋە نەسىھەتنامە ئامىللىرىنى قانداق گارمونىيىلەشتۈرۈش مۇمكىن؟

بىزچە، «قۇتادغۇبىلىك» - ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 151 - بەت. ② يۇقىرىقى كىتاب، 264 - بەت. ③ يۇقىرىقى كىتاب، 264 - بەت.

46-بەت

ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بۇلىقى بىلەن ئۆزىگە تەسىر قىلغان شەرق - غەرب سىنكرىتىك مەدەنىيىتى ئېقىملىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن، پانتېئىزملىق تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرىغا ئۇيغۇن گۇمانىزملىق جەمئىيەت پەلسەپىسى پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ بىلىش، ھاكىمىيەت ۋە جامائەتچىلىك جەھەتتىكى ئاساسىي شەرتلىرىنى بەدىئىي ۋە شېئىرىي ئۇسلۇبلار بىلەن ئىپادىلىگەن، كۆپ قىرلىق، كۆپ پەن تارماقلىرىغا تۇتاشقان بىر پۈتۈن ئىجادىيەت خاراكتېرلىك ھېكمەت داستانىدىن ئىبارەت. رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ: «يۈسۈپ بۇ ئەسەرى ئارقىلىق بىر پەلسەپە - ھايات پەلسەپىسى سىستېمىسىنى قۇرغانىدى»① دېگەن سۆزى مۇشۇ مەنىدە يوللۇق.

«قۇتادغۇبىلىك» ھەرقايسى تېماتىك مەزمۇنلىرى بويىچە بىر قاتار پەن تارماقلىرىغا ۋە پەن ساھەلىرىگە تۇتاشقان. ئۇنىڭدا تەبىئەت پەلسەپىسى، تەبىئەت پەنلىرى (ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تېبابەتچىلىك)، بىلىش نەزەرىيىسى (پىسخولوگىيە، لوگىكا)، جەمئىيەت پەلسەپىسى، جەمئىيەت پەنلىرى (سىياسىي ئىلىم، رەھبەرلىك ئىلمى، ئىقتىدارشۇناسلىق، قانۇن پەلسەپىسى، قانۇنشۇناسلىق، ھەربىي ئىلىم، دىپلوماتىيە ئىلمى، ئەخلاق ئىلمى، مائارىپ ئىلمى، ئېستېتىكا، ئىقتىسادىي ئىلىم، ئەدەبىيات، تارىخ ئىلمى، دىنشۇناسلىق، ئېتنولوگىيە، فولكلور، ئىجتىمائىي تىزگىنلەش سىستېمىسى قائىدىلىرى) قاتارلىق پەن تارماقلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر ئەسەرنىڭ تۈپ غايىلىرىگە بېقىنغان ھالدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئىزاھلانغان. بۇ بىر تەرەپتىن ئالىمنىڭ كۆپ قىرلىق بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، بىلىملەرنى جانلىق ئەمەلىيەت ۋە غايىۋى ئىجتىمائىي ئىجادىيەتكە

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 264 - ، 265 - بەتلەر .

47-بەت

خىزمەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەلسەپىگە مەركەزلەشكەن ئىدىيىۋى سىستېما ۋە بەدىئىي كومپوزىتسىيە تۈزۈش چېۋەرلىكنى، بۇ جەھەتتىكى ئۇلۇغۋار مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ئۆزىدىن نەچچە - نەچچە ئەسىر كېيىنكى تەتقىقاتچىلارنى ئەسەر خاراكتېرىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىگە سېلىپ قويالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن «ئىسلام قامۇسى . ‹قۇتادغۇبىلىك›» تە : « ئۇنىڭغا تەپسىلىي شەرھ ۋە تەرىپ بەرگەن ھېچبىر نامە ئۇچرىمىدى» ① دەپ يېزىلغان .

«قۇتادغۇبىلىك» ئەينى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە خاس كونكرېت دۇنيانى ئابستراكت چۈشىنىش بىلەن، كاتېگورىيىلىك نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن تەپەككۇر ئەدەبىياتى، تارىخىلىق بىلەن مەنتىقىيلىقنىڭ دراما داستان شەكلىدىكى مۇجەسسەملىك ئۈلگىسى، پەلسەپىنى مېغىز، جەمئىيەتنى گەۋدە قىلغان بەخت كىتابى، كىشىلىك بىلىش تارىخى ۋە ئۇتوپىك ئىدىيىلەر تارىخىدىكى ئىنسانىي پىكىر ۋە رېئالىستىك پائالىيەتچان روھ قايناپ تاشقان خاس ئۇسلۇبتىكى ھېكمەت قامۇسىدىن ئىبارەت .

«قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر دىنىي ئىدېئولوگىيىسىدىكى تەڭرى مەركەزلىك (تېئوسېنتىرىزم) قاراشلىرىدىن جىددىي پەرقلەنگەن ئىنسان مەركەزلىك (ئانتروپوسېنتىرىزم) [18] نۇقتىئىنەزەرى ئاساسىدا يېزىلغان، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت سائادىتى ۋە ئۇنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي قانۇنىي ، ئەخلاق تەلىم شەرتلىرىنى باش تېما قىلغان جەمئىيەت پەلسەپىسى دەستۇرىدۇر .

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ خاراكتېرىنى ئۇنىڭ تېماتىك ماھىيىتى ۋە بىر پۈتۈن خاراكتېرى ئارقىلىق ئىزاھلاش كېرەك .

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 265 - بەت.

48-بەت

4 . «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نۇسخا شەكىللىرى

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن خاقانغا سۇنۇلغان ئەسلى قوليازما نۇسخىسى تېپىلمىغان. كۆپ ئەسىرلىك تىنچ ئاسايىش ئىچىدە گۈللەنگەن بۇ قەدىمكى «ئوردا كەنت» ئەبۇ ئەل ھەسەن بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ئىبراھىم ئىبىن ئەھمەد بىننى ھەسەن ئارسلانخان (1128 1158) ۋاقتىدا خانلىق ئىچىدىكى قەبىلىلەر زىددىيىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن يەتسۇغا كۆچۈپ كەلگەن قارا قىتان ھۆكۈمدارى گۇرخاننى ياردەمگە چاقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى ئەسىرلىك شان شۆھرىتى ۋە خاتىرجەملىكىدىن مەھرۇم بولغانىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلاسى ئالدىدىلا 13 ئەۋلاد داۋام قىلغان قاراخانىلار خاندانلىقى قاراقتان ۋە مۇھەممەد خارەزىم شاھ تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى. بۇ پاجىئەلىك يىللاردا قاراخانىلار ئوردا ھەرەملىرى، كۇتۇپخانا ۋە خەزىنىلىرى ۋەيران قىلىنغان.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ سەرگۈزەشتلىرى بىزگە مەلۇم ئەمەس. رەشىد رەھمەتى ئارات «قۇتادغۇبىلىك» كە قوشۇلغان ئىلاۋىلەر ۋە تۈزىتىشلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا بۇ ئەسەرنى «ئىككى قېتىم تارىخنىڭ قاراڭغۇ پەردىسى ئارقىسىدىن يورۇقلۇققا چىقتى، ھەر ئىككى قېتىمدىلا ئەسەرگە قوشۇلغان مۇقەددىمىلەر ئۇلارنى يازغان كىشىلەرنىڭ پىكىر سەۋىيىسىنىڭ، شارائىتىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرگە بولغان قاراشلىرىنىڭ ھەر خىللىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان»① دەپ كۆرسەتتى. بۇ يەنىلا تېخى ئېنىقلانمىغان بىر قىياس.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرچە ئىلم دۇنياسىغا ئۈچ خىل كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى مەلۇم. بۇ نۇسخىلار 1820 يىلىدىن 1914 يىلىغىچە بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئارقا

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 271 بەت.

49-بەت

ئارقىدىن تېپىلدى. شۇنداقتىمۇ بىرىنچى نۇسخا تېپىلىپ ئىككىنچى نۇسخا تېپىلغىچە ئۆتكەن 75 يىلدا «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى تۇمانلىرى سۈزۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.

  1. «ھىرات - ئىستانبۇل - ۋېنا نۇسخىسى»

تۆمۈرلەڭنىڭ ئوغلى شاھرۇخ مىرزا زامانىدا ھىراتتا ياشىغۇچى ئۇيغۇر خەتتاتى ھەسەن قارا سائىل شەمس تەرىپىدىن ھىجرىيىنىڭ 843 - يىلى (قوي يىلى) مۇھەررەم ئېيىنىڭ 4 - كۈنى (مىلادىيە 1439 - يىلى 18 - ئىيۇن) كۆچۈرۈلۈپ تاماملانغان. بۇ ئەلىشىر نەۋائى تۇغۇلۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئىش. بۇ نۇسخا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن 330 يىل ئۆتكەندە كۆچۈرۈلگەن. كونا (قەدىمكى) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇ نۇسخا كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قايسى نۇسخىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ياكى ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىدىن كونا ئۇيغۇر يېزىقى بويىچە كۆچۈرۈلگەنلىكى نامەلۇم. 185 بەت ھەجىمدىكى بۇ نۇسخا كۆچۈرگۈچىنىڭ خېلى ئۈستۈن كۆچۈرۈش سەنئىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىراق كۆچۈرۈش سەنئىتى ناتەكشى بولۇپ بىرەر تەۋسىيە ياكى ھەق ئۈچۈن بولماي، ئۆزى كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇ نۇسخىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن كۆچۈرۈپ چىققانغا ئوخشايدۇ. نەجىپ ئاسىمنىڭ پىكرىچە، پۈتۈكچىدە خاتا كۆچۈرۈلگەن ئەھۋاللار بولسىمۇ، XI ئەسىردىكى تىلنى ئەينەن ئىپادىلىيەلىگەن① .

بۇ نۇسخا 36 يىل ئۆتۈپ، ھىجرىيىنىڭ 879 - يىلى (مىلادىيە 1474 - يىل) ئىستانبۇلدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان يازغۇچى ۋە كاتىپ، ئۇيغۇر باخشىسى ئابدۇرازاق شەيخ زادە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان مەشھۇر ئالىم شەمس ئالائىددىن مۇھەممەد بىننى ھەمزە ئەل فانارىنىڭ نەۋرىسى فانارى ئوغلى قازى ئالى ئەفەندى تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ توقات شەھىرىگە كەلتۈرۈپ بېرىلگەن. ئارىلىقتا ئۆتكەن 36 يىلدا ئېھتىمال بۇ

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 160 - بەت.

50-بەت

مۇقەددىمىلىك بايان بىرىنچى پەسىل • 46 •

كىتابقا يېزىلغان: «بىزلەركى ھاجى دەلال، خەيرىدىن جامەسىدە ئىستىقامەت قىلۇرمىز. مەزكۇر كىتابنى تۆمۈرچى ھەمزەدىن سېتىپ ئالدۇق» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، ئۇ تۆمۈرچى ھەمزە ۋە ھاجى دەلال قاتارلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرى قولىدا ئۆتكەن. شۇنىڭدىن تۆت ئەسىر ئۆتۈپ، XIX ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى ئاۋسترىيىلىك شەرقشۇناس ھاممېر پورگشتال ئىستانبۇلدىكى كىتابپۇرۇشتىن بۇ نۇسخىنى سېتىۋېلىپ ۋېنادىكى خانلىق كۈتۈپخانىسىغا تاپشۇرغان. بۇ نۇسخا 1823 - يىلى فرانسۇز ئالىمى ژائۇبېرت ئامېدى تەرىپىدىن «ئاسىيا ژۇرنىلى» دا تۇنجى قېتىم ئىلىم دۇنياسىغا ئوچۇق قىلىندى. 1870 - يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبېرى تەرىپىدىن ئىنسبرۇن شەھىرىدە نېمىس تىلىدا «ئۇيغۇر تىلى يادىكارلىقى ۋە ، قۇتادغۇبىلىك ، » نامىدا ئېلان قىلىندى. 1884 - يىلى رۇسىيە ئالىمى ۋ. رادلوف بۇ ئەسەرنىڭ تۇنجى ترانسكرىپسىيىسىنى ئىشلەپ، ئىزاھلار بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلدى. كېيىنكى تېكستولوگىيىلىك سېلىشتۇرۇشلار بۇ نۇسخىدا 197 - 228 - ، 3473 - 3797 ، - 6304 ، - 6351 ، - 6521 - 6604 - بېيىتلارنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  1. «قاھىرە نۇسخىسى» بۇ نۇسخا مىسىر سۇلتانلىرىدىن ناسىر (1293 - 1340) [19] ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» دۇنياغا كېلىپ ئىككى ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن كېيىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇسخا ئەسلى ئۆرنەككە سادىقلىق بىلەن ھەم سۇلتانغا ئاتاپ سۈپەتلىك كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا تەييارلانغان.

بۇ نۇسخا ئارىدىن ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ، 1896 - يىلى قاھىرەدىكى سابىق «ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۈتۈپخانىسىنىڭ مۇدىرى، نېمىس ئالىمى، دوكتور مورىتىز تەرىپىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن ھالەتتە تېپىلدى. بۇ نۇسخا نەملىكتىن ئازراق نابۇت بولغان. تېكستولوگىيىلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتتىكى، بۇ نۇسخىدا داستاننىڭ 73 - 454 - ،

51-بەت

بىرىنچى پەسىل مۇقەددىمىلىك بايان • 47 •

587 — 646 ، — 836 — 956 ، — 1504 — 1562 ، — 4579 — 4610 ، — 4245 — 6303 ، — 6352 — 6417 ، — 6632 — 6645 - گىچە بولغان ئارىلىقتىكى بەيىتلار كەم بولغان.

3) «نەمەنگان نۇسخىسى»

بۇ نۇسخىنىڭ قەيەردە، كىم تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

1913 - يىلى كۈزدە رۇسىيە ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان شەرقشۇناس ئەھمەد زەكى ۋەلىدى قوقان شەھىرىگە شەخسىي ئىش بىلەن كېلىپ، نەمەنگاندىكى مۇھەممەد ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ قولىدا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يەنە بىر نۇسخىسى بارلىقىنى بىلىدۇ ھەم 1914 - يىلى 20 - ئاپرېل بۇ نۇسخىنى كۆرىدۇ، بۇ ھەقتە رۇسىيە ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى شەرق شۆبىسىنىڭ ماتېرىياللىرى XXII تومىدا رەسمىي ئۇچۇر بېرىدۇ، بىراق كىتابنى ئالالمايدۇ. ئارىدا بۇ ئۇچۇر ئۇچۇر پېتى قالىدۇ. 1924 - يىلى بۇخارالىق ئۆزبېك ئالىمى، پروفېسسور فىترەت كىتاب ساقلىغۇچىدىن بۇ نۇسخىنى ئالىدۇ ۋە تاشكەنت كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرىدۇ. فىترەت 1925 - يىلى «مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى» ناملىق ژۇرنالدا بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىدۇ ھەم بۇ نۇسخىدىن پارچىلار بېرىدۇ. 1929 - يىلى س. ئې. مالوف ئۇنىڭ ئايرىم قىسىملىرىنى ئېلان قىلىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نەمەنگاندا تېپىلغان نۇسخىسى خەتتى سۇلۇس يېزىق شەكلىدە كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئەرەب ئەلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن يەنە بىر نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىت جەھەتتە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىسىمۇ، تېكىستولوگلار ئۇنى XIII ئەسىردە، تەخمىنەن قاھىرە نۇسخىسىدىن ئىلگىرىرەك كۆچۈرۈلگەن دەپ قىياس قىلىشىدۇ. بۇ نۇسخىدا 1 - بەيىت ھەم 1 - بەيىتتىن 14 - بەيىتقىچە ئارىلىق، ئاخىرىدىكى 6232 - 6266 - گىچە بولغان بەيىتلار كەم بولۇپ، جەمئىي 5793 بەيىتتىن ئىبارەت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ ھازىرغىچە تېپىلغان ئۈچ خىل نۇسخا ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ تولۇق، ئەڭ ياخشى نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. [20]

52-بەت

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ «ئىسلام قامۇسى. ‹قۇتادغۇ بىلىگ›» تېمىسىدا يازغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىجرىيەنىڭ 703 يىلى (مىلادىيە 1303 1304 يىللىرى) ئەلى قۇتلۇق ئالجۇباتى ئىسىملىك بىر كىشى رەتلىگەن بىر مەجمۇئەدە «قۇتادغۇ بىلىگ» تىن پارچىلار بېرىلگەن. ئەمما، بۇ مەجمۇئە زەخىملەنگەنلىكتىن ئوقۇشقا يارىمىغان.

«قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى بۇ ئەسەرنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئەسلى فاكسمىلىنى تىكلەشكە ئىمكانىيەت بەردى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ خىل نۇسخىنىڭ ئىككى خىل يېزىقتا كۆچۈرۈلگەنلىكى تۈپەيلى، «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسلى قايسى ئېلىپبە ئاساسىدا يېزىلغان دېگەن مەسىلە تۇغۇلۇپ، تەتقىقات ئەھلى ھەر خىل مۇھاكىمىلەر بايان قىلىشتى. بارتولد «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئەسلى تۇنجى قوليازمىسى كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىپ خاقانغا تەقدىم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ۋ. رادلوف: «يۈسۈپ ئۆز ئەسىرىنى دەسلەپ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ھالدا ئەرەب يېزىقى بىلەن يازىدۇ. لېكىن قەشقەرگە كەلگەندە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەسىرىگە دۇچ كەلگەن. چۈنكى، خان ئەسەرنىڭ كەڭ خەلققە تارقىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ چىقىشقا بۇيرۇغان»① دەپ قىياسى ھېكايە توقۇپ چىقىدۇ. رەشىد رەھمەتى ئاراتمۇ، دەسلەپ ئەرەب يېزىقىدا يېزىلىپ، كېيىن ھىراتتا كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن، دەپ قارايدۇ.

شۇنى ئېيتىش كېرەككى، «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ قازاقچە نەشرىگە ئېگەبايېف يازغان مۇقەددىمە ماقالىسىدە، رادلوفنىڭ يۇقىرىقى سۆزى مۇنداق تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۆزدە ئەينى زاماندىكى قاراخانىلار قوللىنىۋاتقان ئىككى خىل يېزىقتىكى

① رادلوف: «تۇرپان تېكستلىرى»، XXI توم (1911 - يىل)، 15 ، 16 بەتلەر.

53-بەت

بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى باشقا مەنىگە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. ئىگې باييېف: «ئاپتور بالاساغۇنلۇق (يەتتىسۇلۇق) كىشى دەسلەپ ئۇيغۇر يازما تىلى تەسىرىدىن خالىي ھالدا ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر قەشقەردە ئاياغلاشقان ۋە خانغا سۇنۇشتا ئۇ يەردە ئېقىپ تۇرغان ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن قايتا كۆچۈرۈپ يازغاندا، ئاندىن ئۇيغۇر يازما تىلى تەسىرىگە ئۇچرىغان.» ①

بۇ يەردە رادلوف قىياسى ھالدا ئىسلامىيەتكە قەشقەردىن بالدۇرراق قەدەم قويغان قاراخانىلارنىڭ غەربىي قىسمىدا (بالاساغۇندا) ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي ئورۇندا تۇرسا كېرەك، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا شۇنداق دېگەنىدى. ۋەھالەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن 330 يىل كېيىن، ئىسلام تەسىرى بالاساغۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلگىرى سىڭىپ كىرگەن ھېراتتا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلۈشى (ھەتتا ئەبەيدۇللا لۇتفى دىۋانىنىڭ كونا ئۇيغۇرچە نۇسخىدا تېپىلىشى) رادلوف قىياسىنىڭ مەنتىقىي تېزىسلىرىنى ئىسپاتلىمايدۇ. مەسىلە شۇكى، ئىگې باييېف رادلوف سۆزىنى تېخىمۇ سوفىستىكىغا مۇپتىلا قىلىۋەتتى. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» نى «ئۇيغۇر يازما تىلىدىن خالىي ھالدا» دېگىنىدە يېزىق شەكلىنى بىردىنلا ئەدەبىي تىلغا يۆتكەپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەسىرىدىن خالىي ھالدا بىر خىل ئەدەبىي تىلدا يازغان دېمەكچى بولىدۇ. بىراق، شۇ نەرسىنى كۆرسىتىش زۆرۈركى، پۈتۈنلەي شەھەرلەشكەن غايىۋى دۆلەت مودېلى ھەققىدە يېزىۋاتقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زامان شەھەر مەدەنىيىتى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى، پارس تىلى ۋە ئەرەب تىلىدىن باشقا قايسى ئەدەبىي - يېزىق تىلىنى قوللىنىشى مۇمكىن ئىدى؟! بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئەسەر ئەرەب يېزىقىدىن قەشقەردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن،

① «قۇتادغۇبىلىك، كە ئائىت تەرجىمە ماقالىلەر توپلىمى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994 - يىل، خەنزۇچە نەشرى، 198 - بەت.

54-بەت

ئاندىن ئۇيغۇر يازما - ئەدەبىي تىلى تەسىرىگە ئۇچرىغانمۇ؟! بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، تىل - بولۇپمۇ ئەدەبىي تىل بىلەن يېزىق شەكىلى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ھەم ئىككى خىل يېزىق نۇسخىلىرى ئىككى مىللىي تىل تەرجىمىسى قىلىپ قويۇلغان! دەرۋەقە، كۆپلىگەن تۈركىي قىپچاق قەبىلىلىرى موڭغۇللاشقان ياكى موڭغۇل - تاتار قەبىلىلىرى مۇسۇلمان تۈركىي قىپچاق قەبىلىلىرىگە ئۆزگەرگەنگە ئوخشاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا رەسمىي ئەدەبىي - يازما تىل باسقۇچىغا كىرگەن، گەنجۇ - قۇچۇ - قاراخانىيلار زامانىدا ئۆز يازما ھۆججەتلىرىنى كۆپلەپ ياراتقان ئۇيغۇرلارمۇ تارىخنىڭ لېكسىكىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىدى. يىپەك يولى ۋە شەھەر مەدەنىيىتى چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى سىڭقۇسەلى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەنزاك ۋە مەھمۇد قەشقەرى زامانىدىكى لېكسىكىلىق ئالامەتلەردىن خېلىلا سىنكىرىتلاشتۇرۇپ قويدى. بۇ ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

«قۇتادغۇبىلىك» دەسلىپىدە ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان دېگۈچىلەر، داستاننىڭ 1953 - بېيىتىدا «ل» ھەرپىنى ئەرەبچە تەلەپپۇزدا «لام» دەيىش ئارقىلىق شېئىرىي ۋەزىن توشقۇزۇلغانلىقىغا ئېسىلىۋالغان. بۇ مۇنداق جۈملە ئىدى:

بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىغ تۇرۇر     بىلىك لامى كەتسە بەگ ئاتى قالۇر     [بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىق تۇرۇر،      بىلىك «لامى» كەتسە، بەگ ئاتى قالۇر.]

روشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ل» ھەرپىنى «لام» دەپ ئالغان ۋە ئۇنى ئىككى بوغۇملۇق «لامى» تەلەپپۇزى بىلەن ئىشلىتىپ شېئىر ۋەزنىنى راۋانلاشتۇرغان. بۇ شېئىرىيەت تەلىپى مەسىلىسى بولۇپ، تۇنجى قوليازمىنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقىنى بېكىتكۈچى پاكىت بولالمايتتى.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۇيغۇر يېزىقلىرىنىڭ كونا (سوغدى

55-بەت

ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى) ياكى يېڭى (ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى) نۇسخىلىرىدا يېزىلىشى ماھىيەتلىك مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يېزىق تارىخى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان ئىكەن، بىزچە، تۇنجى قول يازما كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇنىڭ ئاساسلىرى مۇنداق: ئەگەر يېڭى يېزىقتا يېزىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھېرات نۇسخىسى كونا يېزىقتا كۆچۈرۈلمىگەن بولاتتى. چۈنكى، كىشىلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغان يېزىقتا ئەسەر يېزىشقا قىزىقمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرى ئەرەب كىتابخانلىرىغا قاراتقان ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب يېزىقىدا يېزىشقان. ئۇيغۇر ۋە تۈركىي جامائەتچىلىككە قارىتىلغان ئەسەرلەر تاكى يېڭى يېزىق بىردىنبىر يېزىق بولغانغا قەدەر كونا ئۇيغۇر يېزىقى بويىچە، بەزىدە ھەر ئىككى يېزىقتا يېزىلغان. قاراخانىلارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە ھەر ئىككى يېزىق قوللىنىلغان بولسىمۇ، يەنىلا كونا ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانىدى. يەكەندە ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان دەۋرىگە ئائىت ۋەسىقىلەرگە قويۇلغان ئىناۋەتلىك مۆھۈر - ئىمزالارنىڭ يەنىلا كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا ئويۇلغانلىقى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك» تە كۆرسىتىشىچە، قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان پۈتۈن تۈركىي ئۆلكىلەردە بارلىق يارلىق ۋە مەكتۇپلار ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان. ئەگەر چىڭگىزخان دەۋرى ۋە ئالتۇن ئوردىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدىمۇ ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىردىنبىر يېزىق سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغانلىقى پەقەت ئاتالمىش «چاغاتاي دەۋرى» ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس. كونا ئۇيغۇر يېزىقى كۈسەن ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە يېقىنقى زامانلارغىچە ئىستېمال قىلىنىپ كەلدى. «تۇرپان تېكىستلىرى»، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان كونا ئۇيغۇر يېزىقى يادىكارلىقلىرى،

56-بەت

بولۇپمۇ «ئوغۇزنامە» ، «ئالتۇن يارۇغ» ، «شۇەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» ، «ئاپىرىنچۇر تېكىن شېئىرلىرى» ۋە تېببىي، دىنىي قوليازمىلار قاتارلىق شۇنچە مول پاكىتلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چىڭگىزخان موڭغۇللىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ يېزىقنى «قۇتادغۇبىلىك يېزىقى» ياكى قىسقارتىپلا «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئاتىغانلىقى تەسەۋۋۇرىمىزنىڭ تولىمۇ ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ.

5. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىلى

(يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى خۇددى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نەزىمىلىك مۇقەددىمىسىدە سۆزلىگەندەك «بۇغراخان دەۋرىدىكى خاقانىيە تىلى» بىلەن يېزىپ، ئەينى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ ئاھاڭدار شېئىرىي ئۈلگىسىنى ياراتقان. بۇ ھەقتە داستاننىڭ نەزىمىلىك مۇقەددىمىسىدىكى 23 ، 73 بېيىتلىرىدا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن :

بۇ بۇغراخان ۋاقتى ئىچىرە ئانى يەمەخان تىلىنچە بۇ ئايمىش مۇنى [بۇ بۇغراخان ۋاقتى مۇئەللىپ ئۇنى، يەنە خان تىلى بىرلە ئېيتمىش بۇنى.] ئەرەبچە، تاجىكچە كىتابلار ئۆكۈش بىزنىڭ تىلىمىزچە بۇ يۇمغى ئۇقۇش [ئەرەبچە، تاجىكچە كىتابلار تولا. بىزنىڭ تىلىمىزدا بۇ يالغۇز، شۇلا.] )

بۇ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مۇشۇ داستاندا ئىشلىتىلگەن تىل بۇغراخان تىلى — خاقانىيە تىلى ئىكەنلىكى ۋە بۇ تىلنى مۇئەللىپ ئەرەب، تاجىك تىلىدىن پەرقلەندۈرۈپ «بىزنىڭ تىلىمىز» دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

57-بەت

مۇقەددىمە 73 - بەيتتىكى «بىزنىڭ تىلىمىزدا بۇ يالغۇز، شۇلا» دېگەنلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چەمبىرىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى يازما ئەسەرلەر بولمىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، خۇددى ئا. ن. كونونوۋ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى تىلى ناھايىتى ئۇزۇن تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە»① دەپ كۆرسەتكىنىدەك، مۇشۇ ئەدەبىي تىلنىڭ ئىسلام ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شارائىتىدىكى يىرىك مەھسۇلى بولغان «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئورىگىناللىقىنى كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، بەلگىلىك مول مەدەنىيەت قاتلىمى، بولۇپمۇ شەھەر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى بىلەن يېزىقچىلىق پېشۋالىرىنىڭ مول ئۆرنەكلىرى بولمىغان خەلقلەرنىڭ بىردىنلا «قۇتادغۇبىلىك» تەك يۈكسەك جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپەۋى قامۇسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈلىشى مۇمكىن ئەمەس.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا تىلغا ئېلىنغان مۇئەللىپ تىلى — بۇغراخان تىلى — خاقانىيە تىلى دەل مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە، ئەھمەد يۈكنەكى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»تا تىلغا ئالغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورداكەنت — قەشقەر تەلەپپۇزى بولۇپ، ئۇ «تۇرپان تېكىستلىرى»دە قوللىنىلغان، ئەڭراق ۋە سىقغۇ سەلى ئىشلەتكەن تىل بىلەن بىر خىل ئەدەبىي تىل ئىدى. بۇنى يۇقىرقى مۇئەللىپلەر ئەسەرلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان ھەرقانداق لۇغەتتىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنى «تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان بويىمىز» دەپ قاراخانىيلار نەسەبىگە باغلىسا، ئۆز ئەسىرىنى تۈركىي تىللار ئىچىدىكى «ئەڭ ئوچۇق ۋە راۋان تىل — خاقانىيە ئۆلكىسىدىكىلەرنىڭ تىلى» بىلەن يازغانلىقىنى، قەشقەردە «… شەھەر ئىچى خەلقى خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ»غانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئەھمەد يۈكنەكى ئۆزىنى ۋە ئۆز ئەسىرىنىڭ تىلىنى ئىزاھلاپ: «مەن قەشقەرلىكمەن، بۇ كىتابنى قەشقەر تىلىدا يازدىم» دەپ ئېنىق

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 8 - بەت.

58-بەت

ئوقۇتۇرىدۇ.

شۇنداق بولۇشقا قارىماي، «قۇتادغۇبىلىك» مۇئەللىپىنىڭ مىللىي تەۋەلىكى ۋە ئۇ ئىشلەتكەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا بىر قاتار مۇجمەللىكلەر ۋە سۈنئىي پەيدا قىلىنغان ئىختىلاپلار ھازىرغىچە ساقلانغان.

ئالدى بىلەن شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، بىر خىل ئۇنىۋېرسال ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت نامايەندىسى سۈپىتىدە «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئېتنىك، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن كۆپ قىرلىق سىنكرېتىك مەدەنىيەتنىڭ ئورىگىنال كرىستالى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن، ئۇنى بىرەر مىللەتنىڭ نوقۇل مەدەنىيەت سەمەرىسى دەپ مۇتلەقلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەسىرىنىمۇ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ئۇ تەسىر كۆرسەتكەن ھەممە مىللەت ۋە خەلقلەردىن ئايرىپ، نوقۇل بىرەر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. بۇ چۈشىنىشلىك ئاددىي قائىدە. ئەمما، مۇشۇ ئاددىي قائىدە سوفىستىكلىق مۇھاكىمە ۋاسىتىسى قىلىنماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلىندىكەن، مەسىلە سۈنئىي يوسۇندا چىگىشلىشىپ كېتىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» مەدەنىيەت يىلتىزلىرى ۋە مەدەنىيەت تەسىرلىرى جەھەتتە ئۇيغۇر مىللىتى رامكىسىدىن ھالقىغانلىقى شۈبھىسىز. ئەمما بۇ، كونكرېت ئىنسان - مۇئەللىپى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئەسىرىدە ئىشلەتكەن ئانا تىلى ھېچقانداق مىللىي مەنسۇپلۇققا ئىگە بولمىغان كۆپ مىللەتلىك «ئورتاق شەخس» ۋە ئورتاق تىل دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. يەككە - يېگانە ھادىسە بولماي ئورتاق تۈركىي تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان ۋە شەھەر مەدەنىيىتى، شەھەر ھاكىمىيەت مەركىزى ۋە خەلقئارا سودىغا ئىگە بولغانلىقى تۈپەيلى ئەدەبىي تىل ھاسىل قىلغان خاقانىيە ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەر ۋە مىللەتلەرگە چۈشىنىشلىك بولۇشى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ كۆچۈمەن

59-بەت

چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى تىل قاتلىمى بويىچە باشقا قېرىنداش خەلقلەرگە ئوخشاش لۇغەت فوندىغا ئىگە ئىكەنلىكى «قۇتادغۇبىلىك» مۇئەللىپى ۋە ئۇ ئىشلەتكەن ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلنىڭ ئۇيغۇر تامغىسى ئاستىدىكى ئېتنىك تەۋەلىكىگە دەخلى كەلتۈرمەيدۇ. مانا بۇلار ئوخشاشمىغان چەمبەر، ئوخشاشمىغان قاتلام ۋە ئوخشاشمىغان كاتېگورىيىدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، ئىلمىي سەمىمىيەت ئۈچۈن ئاددىي بىر ساۋات.

ئەڭ كۈلكىلىكى شۇكى، ۋ. ۋ. بارتولد مەھمۇد قەشقىرى ئارقىلىق «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرمەك بولغانىدى. ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «شۈبھىلىنىشكە بولمايدۇكى، قاراخانىلارغا تەۋە بولغان خەلقلەر ئۆزلىرىنى ‹ئۇيغۇر› دەپ ئاتىمىغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئىشلەتكەن تىل ئۇيغۇر تىلى ئەمەس»① ، «قاراخانىلار دۆلىتىدە يېزىلغان ‹قۇتادغۇبىلىك› داستانىنىڭ تىلى ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ تىلى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ»②.

مېنىڭچە، ئىلىم راۋاجلانغان، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بۈگۈنكى كۈندە، قاراخانىلار تەۋەسىدىكى خەلق ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دېمىگەن، «دىۋان»دا كوچا - تۇرپان - قۇمۇل ئاھالىسى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان، دېگەن سۆزنى ھېچكىم تەكرارلىيالمايدۇ. ھەقىقەت شۇكى: «بۇ دەۋردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مودېلى ئوخشاش بىر قاتلامدا قاراخانىلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت خانلىقىدىن ئىبارەت ئوخشاشمىغان ئىككى خىل تىپتا ئىپادىلەندى… بۇ ئىككى خىل تىپتىكى ئەدەبىيات ئورتاق مەنبە ۋە ئورتاق ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، ئوخشاش تىل قوللىنىلغان… شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى تارماق ئەدەبىيات يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىر مىللىي ئەدەبىياتتۇر.»③

بۇ نۇقتىنى جۇڭگو مىللەتلەر تىل - ئەدەبىياتى ئىلمىي

① «بارتولد ئەسەرلىرى» ، V توم، 114 - بەت. ② يۇقىرىقى كىتاب، 273 - بەت. ③ «قۇتادغۇبىلىك» ، 1986 - يىل خەنزۇچە نەشرى، سۆز بېشى، 3 - بەت.

60-بەت

تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى لاي يىڭ خانىم مۇنداق ئىزاھلىغان: «ئىدىقۇت ۋە قاراخانىلاردىن ئىبارەت ئىككى خانلىقتىكى ئۇيغۇرلار ئورتاق مەنبە، ئورتاق مىللىي تىل، ئورتاق مىللىي پىسخىكا ۋە ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئىككى خانلىق مەدەنىيىتى ئايرىلماس بىر گەۋدە ئىدى»، « ‹قۇتادغۇبىلىك› قەدىمدىن بېرى ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت بالىياتقۇسىدا يارالغان، ئۆسكەن دەرەخنىڭ مېۋىسى» ، « ‹قۇتادغۇبىلىك› باي ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت چۆكمىسىگە ئىگە بولغان قەشقەرنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت مۇھىتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەسەر» ، «يۈسۈپ - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارى ۋە قەشقەر رايونىنىڭ شان - شۆھرىتى.» ①

بارتولد كۇچا - ئىدىقۇت - قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاراخانىلار خاندانلىقى تەۋەسىدىكى خەلقلەرنى قاچان ئۇيغۇرلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلغاندەك، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ غەيرىي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقىنى ئىسپاتلاشقىمۇ ئاجىزلىق قىلىشى تەبىئىي!

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تىلى ئەينى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى كۆپلىگەن شەرقشۇناسلار مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ۋ. ۋ. رادلوف 1893 - يىلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە «قۇتادغۇبىلىك» تىلىنى «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ھېسابلىغان② . ئۇ يەنە « ‹قۇتادغۇبىلىك› نىڭ ھېرات نۇسخىسى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە: «ھالبۇكى،

① « ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە ماقالىلەر توپلىمى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994 - يىل، خەنزۇچە نەشرى، 7 - ، 16 - ، 28 - بەتلەر. ② ۋ. ۋ. رادلوف: «ئۇيغۇرلار ھەققىدە» ، سانكت - پېتېربۇرگ، 1893 - يىل، 7 - بەت.

61-بەت

مۇئەللىپ ئۆز ئەسىرىنى ساپ ئۇيغۇر دىئالىكتىدا يازغان»① دەپ كۆرسەتكەن. س. ئې. مالوف «ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي ئەدەبىيات تارىخىدا مىر ئەلىشىر نەۋائى» ناملىق كىتابىدا: « <قۇتادغۇبىلىك> نىڭ تىلى كونا ئۇيغۇر تىلى»② ، «ئۇيغۇر تىلى»③ دەپ قەيت قىلدى. ئۇ: « <قۇتادغۇبىلىك> فاكسىمىلى» دا: «مۇسۇلمان مەدەنىيىتىگە ئائىت ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇ بۈيۈك ۋە كەم ئۇچرايدىغان يادىكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى ئۇيغۇرلارغا تەۋەدۇر»④ دەپ يازدى. ئە. ر. تېنىشېف: «قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى» دېگەن ماقالىسىدە، خاقانىيە، بۇغراخان ئەدەبىي تىلىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تەڭداش قىلىپ كۆرسىتىدۇ⑤ . پروفېسسور بروككېلمان «ئىسلام قامۇسى. <يۈسۈپ خاس ھاجىپ> » سەرلەۋھىسىگە يازغان ماقالىسىدە، ئۇنىڭ «قوللانغىنى قەشقەر تىلى ئىكەنلىكى ئوچۇق» دېسە، شۇ قامۇسنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» سەرلەۋھىسىگە بېغىشلانغان ماقالىدە: «تۈركىي ئەدەبىي تىلغا ھۆكۈمران بولغان ۋە ئۇنىڭ نازۈك تەرەپلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەنئەنىسىنى داۋام قىلدۇرغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان شائىر ئۆز ئەسىرىدە ئىسلام سەنئەتكارلىرىنى ئۇستاز تۇتقان ھالدا ئارۇز ۋەزنىنى قوللانغانىدى»⑥ دەپ يېزىلغان. ئۆزبېك ئالىمى فىترەت «ئەڭ كونا تۈرك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى» ناملىق

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 50 بەت. ② س. ئې. مالوف: «ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي ئەدەبىيات تارىخىدا مىر ئەلىشىر نەۋائى» ، 1947 يىل سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرى، 478 بەت. ③ يۇقىرىقى كىتاب، 222 بەت. ④ «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 83 بەت. ⑤ يۇقىرىقى كىتاب، 7 بەت. ⑥ يۇقىرىقى كىتاب، 263 بەت.

62-بەت

ماقالىسىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۈستىدە توختىلىپ: «مەھمۇد قەشقىرى يەنە شۇ خاقانىيە تۈركىي تىلىنى ئاساس قىلغان» (4 بەت) دەپ يازىدۇ. نەجىپ ئاسىم ئۆزىنىڭ «تۈرك تارىخى» ناملىق كىتابىدا تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، بۇ داستان «ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، XI ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بەدىئىي ئىپادىسى بولغان»① دەيدۇ. رەشىد رەھمەتى ئارات «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ تۈركىيە تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىغا مۇقەددىمە» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىسلامىيەتكە كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك ۋە نەپىسلىكلىرى ‹قۇتادغۇبىلىك›تە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن» (27 بەت) دەپ تەكىتلىگەن. بۇ نۇقتىنى داستاننىڭ نەمەنگان نۇسخىسىنى دەسلەپ تەتقىق قىلغان دوكتور ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان ئۆزىنىڭ «تۈرك تاتار تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە: «ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا قۇۋۋەتلىكرەك بولغىنى، مەدەنىيىتىمۇ يۇقىرىراق بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرى باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلدى» (26 بەت) دەپ روشەنلەشتۈرسە، بۇ نۇقتىنى پروفېسسور ي. ي. بېرتېلس «ئۇيغۇر پوئېمىسى ‹قۇتادغۇبىلىك› ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق ماقالىسىدە: « VIII ئەسىر ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تېررىتورىيىسىدە ئۇيغۇر دۆلىتى مەيدانغا كېلىپ، قوشنا خەلق ۋە قەبىلىلەرگە زور ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرى كۆرسەتكەن②» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ رۇسچە نەزمىلىك تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ئا. كونونوف

① نەجىپ ئاسىم: «تۈرك تارىخى»، 260 بەت.

② «شەرق ھەقىقىتى»، 1944 يىل، 1 ، 2 سانلىرىغا قارالسۇن.

63-بەت

«يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ داستانى ‹قۇتادغۇبىلىك›» ناملىق مۇقەددىمە ماقالىسىدە: «خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلىنى خاقانىيە ئۇيغۇرلىرى تىلى دېيىش مۇمكىن»① دەپ يازغان. بۇ ھەقتە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى ئالىملاردىن لاڭ يىڭ خانىم: «شائىر ‹قۇتادغۇبىلىك›تە ئىشلەتكەن لۇغەت فوندى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ لۇغەت فوندى بولۇپ، ئۇ بەزى مۇھىم چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەشتە خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان ۋە كەڭ خەلق پىششىق بىلىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان» ، «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ تىلى خۇددى قاندەك بۇ ئۆلمەس ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن»② دەپ يازغان.

شۇنى تىلغا ئېلىش قانائەتلىنەرلىككى، سىز تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەرگە، سىگۇسەلى، ئەنزاڭ ئىشلىگەن «ئالتۇن يارۇغ» قاتارلىق ھۆججەتلەرگە، ۋەسىقىلەرگە ئەستايىدىل نەزەر ئاغدۇرۇڭچۇ، مەسىلە تارىخنىڭ ئۆز ئۇچۇرى بىلەن «مانامەن!» دەپ چىقىدۇ. مېنىڭچە، ھەقىقىي تارىخچى تارىخنىڭ ئۆز ئۇچۇرىغا قارشى تارىخ ياسىماسلىقى لازىم. بۇ ئەقەللىي ئەدەپ!

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئەينى زامانىدىكى ساپ - ئۆلچەملىك ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغانلىقى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ يەنە ئىككى مۇھىم ئېتىرازغا توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

② «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 176 - بەت.

64-بەت

ئۇنىڭ بىرى: «بۇغراخان تىلى بۇغراخان ئىختىيارىدىكى بارچە ئەللەر تىللىرىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن ئەدەبىي تىل نەمۇنىسى»① دېگەن ئېتىراز. بۇ ھەقتىكى جاۋاب شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ھەقىقەتەن بۇغراخان ئىختىيارىدىكى ھەم ئىدىقۇت ئارسلانخانلىقى تەۋەسىدىكى ئۈلگىلىك ئەدەبىي تىل ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەينى زاماندا خۇددى ھازىرقىدەكلا بۇغراخان ئىختىيارىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا بىرلىككە كەلگەن مىللەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئەدەبىي تىل بولمىغان. بۇ چاغدا پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىلا شۇنداق ئەدەبىي تىل رولىنى ئۆتىگەن.

ئۇنىڭ ئىككىنچىسى: «قاراخانىيلار دەۋرى يازما يادىكارلىقلىرى»نى سۈنئىي يوسۇندا كېيىنگە چېكىندۈرۈپ «كونا چاغاتاي تىلى يادىكارلىقى» دەپ ئاتاش، ئۇنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يادىكارلىقى دەپ ئاتاشنى راۋا كۆرمەسلىك.

شۇنى ئېيتىش كېرەككى، گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىدىن تۆت ئەسىر كېيىن ياشىغان ئەبەيدۇللا لۇتفى، شەيخزادە ئاتايى ۋە ئەلىشىر نەۋائىي شېئىرىيىتىدە ئىشلىتىلگەن تىل سەلتەنەتلىك ئاتالما بويىچە «چاغاتاي تىلى» دەپ ئىستېمال قىلىنسىمۇ، ئۇ ھېچقاچان موڭغۇل ئەدەبىي تىلى ياكى تۈركىي تىلىنىڭ قىپچاق تارمىقى بولماستىن، بەلكى قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى ئىدى. بۇ ھەقتە باسقاقوف ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى توغرىسىدا» ناملىق رىسالىسىدە: ئۇيغۇر - قارلۇق تىلى ئۇيغۇر - ياغما - قارلۇق - تۈركەش شارائىتىدا ئىران - تاجىك تىلىدىن ئۈستۈن چىقىش ئاساسىدا

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» ، 176 - بەت.

65-بەت

راۋاجلانغان، دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە، «تۈركي تىللار تەتقىقاتى. مۇقەددىمە» ناملىق ئەسىرىدە: «قاراخانلار دەۋرى يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى يادىكارلىقلارغا كىرىدۇ»① دەپ جەزىملەشتۈرسە، ياپونىيە ئالىمى لىن جەنسەن (Hayasi Kenzö) : «چاغاتاي تۈركي تىلى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، ئۇلار تاڭ دەۋرىدە بۇ جايلارنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى»② دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە ئابىتاكېئو «غەربي ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا تەپسىلىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. ئۇ قاراخانلار بىلەن «بەشبالىق خانلىق جەمەتى بىر مىللەتكە مەنسۇپ ئىدى»، ئۇلار «توققۇز ئوغۇز ياكى ئوغۇز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى»، «ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەت تۈپەيلى بۇ غەربي ئۇيغۇر ئېلى شەرقىي ۋە غەربي ئىككى قىسىمغا ئاجرالدى»③ دەپ يازىدۇ. ياپونىيە ئالىمى ئابىتاكېئو غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىر پۈتۈنلۈكىنى يېتەرلىك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغان.

شۇنى ئېيتىش كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە پەقەت شەھەرلەر مەركەز قىلىنغان ۋە يىپەك يولى خەلقئارا قاتناش بەلبېغىغا جايلاشقان خاقانىيە ئۆلكىسىلا مۇنداق شەھەر مەدەنىيىتى، شەھەر ئەدەبىياتى ۋە قۇدرەتلىك مەملىكەت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇتوپىك پىكىرلەرنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە تارىخي پەللىدە تۇراتتى.

① ئا. باسقاقوف: «تۈركي تىللار تەتقىقاتى. مۇقەددىمە»، 1969 - يىل موسكۋا نەشرى، 301 - بەت. ② لىن جەنسەن: «شەرقىي ئاسىيا چالغۇلىرى تەتقىقاتى»، خەنزۇچە نەشرى، 384 - بەت. ③ ئابىتاكېئو: «غەربي ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 297 ، 376 بەتلەر.

66-بەت

6. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تېماتىك مەزمۇنى ۋە تۈزۈلمە شەكلى

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تېماتىك مەزمۇنى ۋە تۈزۈلمە شەكلى بۇ غايەت زور تەپەككۇر ئەدەبىياتىنىڭ سۇبيېكت مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ كومپوزىتسىيىلىك شەكلىنى نەزەردە تۇتىدۇ. بۇ ماھىيەتتە مۇتەپەككۇر قەلبىنىڭ سىرتلىشىش مودېلى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

«قۇتادغۇبىلىك» — ئىنسان ۋە ئۇنىڭ بەخت — سائادىتىنىڭ كوسمولوگىيىلىك [21] پەلسەپەۋى ئاساسلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپىلىك سىياسىي — قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى شەرتلىرى توغرىسىدىكى راتسىئونالىزم ۋە گۇمانىزملىق [22] تەپەككۇر قامۇسى. مۇشۇ نۇقتىدىن «قۇتادغۇبىلىك» نى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئىنسانشۇناسلىق دەستۇرى، ئۇتوپىك — غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى قەيسەرانە ئىزدىنىشنىڭ نامايەندىسى، ناتۇرال پانتېئىزم ئالەم قاراشلىرى يولىدا قەد كۆتۈرگەن جەمئىيەت پەلسەپىسى سىستېمىسىنىڭ كۆپ دەھلىزلىك بەھەيۋەت بىناسى دېيىش مۇمكىن. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قاتلىمى بىلەن ئەينى زامان ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار قاراشلارنى بىرلەشتۈرگەن، تارىخىي ئۆتمۈش، رېئال ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن ئىنسانپەرۋەر غايىلەرنى بىرلەشتۈرگەن، تارىخىي نەرسە بىلەن مەنتىقىلىق نەرسىنى بىرلەشتۈرگەن، كەسكىن تەنقىد بىلەن قىزغىن ئۈمىدۋارلىقنى بىرلەشتۈرگەن، مۇتەپەككۇرانە ئىدىيە بىلەن شائىرانە ئوبرازنى بىرلەشتۈرگەن، كلاسسىك پەلسەپە بىلەن ئېتنىك فولكلورنى بىرلەشتۈرگەن بۇ بىباھا ھېكمەت كىتابى ئۆزىنىڭ مەزمۇن — ئىدىيىلىرىنى كىتاب شەكلىدە ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە

67-بەت

كومپوزىتسىيىلىك ئۇسلۇب ياراتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى يېزىشتا قەدىمكى گىرېك مۇتەپەككۇرى پلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق ئەسىرىدە قوللانغىنىدەك نوقۇل «دىئالوگ» ژانرىنى، ياكى كۇسەنلىك كۇمراجىۋا [23] قوللانغىنىدەك «سۇئال - جاۋاب» ژانرىنى، ياكى فارابىنىڭ ئەسەرلىرىدەك پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلىك بايان ژانرىنى، ياكى ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىدەك تارىخىي داستانلار تىزمىسى ژانرىنى قوللانمىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىلغان «قابۇسنامە»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «مەھبۇبۇل قۇلۇب» قاتارلىق ئەسەرلەر، ھەتتا ماكياۋېلىنىڭ «كارول كىتابى» قاتارلىقلارمۇ يەنەلا «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئورىگىناللىقىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈردى. «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە پەلسەپىۋى تېما مەزمۇن قىلىنغان، رېئالىزم، لىرىزم ۋە رومانتىزم بىر - بىرى بىلەن گىرەلەشكەن، بىر قانچە پېرسوناژنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئوبرازلاشتۇرۇلغان ئىزچىل ۋە جانلىق دراماتىك داستان شەكلىنى ياراتتى. ئۇ دۇنيا «تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئوت»تىن ئىبارەت «تۆت تادۇ» (تۆت زات)تىن تەشكىل تاپقانلىقىدەك، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى بەدىئىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن تۆت مەجازى - سىمۋول خاراكتېرلىك دراماتىك پېرسوناژنى تاللىۋالدى. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ 358 - بېيىتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

بۇ تۆت نەڭ ئۆزە سۆزلەدەم مەن سۆزۈگ ئۇقسا ئاچىلغاي يىتىگ قىل كۆزۈگ [سۆزۈم ئۇشبۇ تۆت نەرسە ئۈستىدەدۇر، ئۇقۇساڭ دىققەتتە، مەنە ئاچىلۇر.]

68-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» تە دىراماتىك ھالەت تەشكىل قىلغان ئاساسىي تۆت پېرسوناژ (تۆت ئېش) : ئادالەت ۋە قانۇننىك سىمۋولى بولغان كۈنتۇغدى خان؛ بەخت - سائادەت ۋە ياخشىلىق سىمۋولى بولغان ئايتولدى ۋەزىر؛ ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىم سىمۋولى بولغان ۋەزىر ئوغلى (دادىسىنىك ئورنىدا ۋەزىر بولغۇچى) ئۆگدۈلمىش؛ قانائەت سىمۋولى بولغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت. بونىك «قۇتادغۇبىلىك» نىك 353 - 357 - بېيىتلىرىدىكى شېئىرىي ئىپادىسى مۇنداق:

بۇ كۈن توغدى ئەلىگ تەدىم سۆز باشى يۆرۈگەن ئاياسىن ئاي ئەدگۈ كىشى [بۇ كۈن توغدى ئىلىگنى قىلدىم سۆز بېشى، ئىزاھلاي بۇنى ھەم، ئەي ياخشى كىشى.] باسا ئايدىم ئەمدى بۇ ئاي تولدىنى ئاڭدىن يارۇيۇر ئىدۇق قۇت كۈنى [ئۇنىڭ كەينىدىن ئېيتتىم ئايتولدىنى، يورۇيدۇ ئۇنىڭدىن سائادەت كۈنى.] بۇ كۈن توغدى تەگلى تۆرۈ ئول كۈنى بۇ ئاي تولدى تەگلى قۇت ئول كۆر ئەنى [بۇ كۈنتۇغدى توغرا قانۇن ئۆزى، بۇ ئايتولدى بەخت - سائادەت سۆزى.] باسا ئايدىم ئەمدى كۆر ئۆگدۈلمىشىگ ئۇقۇش ئاتى ئول بۇ بەدۈتۈر كىشىگ [كېيىن ئېيتتىم ئەمدى ئۆگدۈلمىشنى، ئەقىلنىڭ ئېتى ئۇ، زورايتۇر كىشىنى.] ئاڭدا باساسى بۇ ئودغۇرمىش ئول مۇنۇ ئاقىبەت تەپ ئۆزۈم يورمىش ئول [كېيىن ئېيتتىم ئودغۇرمىش ئۆزرە سۆزۈم، ئۇنى ئاتىدىم «ئاقىۋەت» دەپ ئۆزۈم.]

69-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» تىكى پېرسوناژلار گىرېك تىياتىرلىرىدىكى ئىلاھى شەخسلەرمۇ، قەھرىمانلىق لېگېندىلىرىدىكى رىۋايەتلىك شەخسلەرمۇ، تارىخىي داستانلاردىكى تارىخىي شەخسلەرمۇ، فانتازىستىك ئەسەرلەردىكى خىيالىي پېرسوناژلارمۇ بولماستىن، ئوبرازلاشقان پەلسەپىۋى كاتېگورىيىلەردىن ئىبارەت بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز قەھرىمانلىرىغا ئۇلارنىڭ كاتېگورىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ قەدىمكى ئۇيغۇر لۇغىتىدىن ئېلىپ نام بەرگەن، ئۇلارنىڭ كاتېگورىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئۇلارغا ئىندىۋىدۇئاللىق بېغىشلىغان. نەتىجىدە ئۇلار رېئال ھاياتتىكىدەك تىپىك، ئىندىۋىدۇئال، جانلىق، تەسىرلىك بولۇپ چىققان.

كۈنتۇغدى - ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا، «تۇرپان تېكىستلىرى» دە كەڭ قوللىنىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر ئىبارىسى بولۇپ، سىڭقۇ سەلى «ئالتۇن يارۇق» دا «كۈنتۇغدى قامۇغ ئۈزە يارۇق بولتى» (كۈن چىقتى، ھەممە نەرسە يورۇدى) دەپ يازسا، ئۇيغۇرچە «تۇرپان تېكىستلىرى» دە: «كۈن كۈنگەيىم تارىغىم ئاسىلسۇن» (مېنىڭ تېرىقىم كۈندىن كۈنگە ئۆسسۈن) دېيىلگەن. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دا: «قوزىغارۇ كۈن باتىسقىئا» (كۈن پېتىشقا چېكىنمەك) دېيىلگەن.

ئايتولدى - ئۇيغۇرچە «تۇرپان تېكىستلىرى» دە: «بېش يىگىرمىدىكى تولۇن ئاي تەڭرىتىگ سېۋۈگلۈگ يۈزلۈگ ئىلىگنگە» (15 كۈنلۈك تولۇن ئاي تەڭرىدەك ئوماق يۈزلۈك ھۆكۈمرانىمغا) دېيىلگىنىدەك قەدىمكى ئىبارە ئىدى.

ئۆگدۈلمىش - «ئۆگ» (ئەقىل، پاراسەت) ئىبارىسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، «سۇجى مەڭگۈ تېشى» دا: «قۇتلۇغ باغاتارقان ئۆگە بويرۇقى مەن» (مەن قۇتلۇق، ئەقىللىق باغاتارقان بويرۇق بولىمەن)، «تۇرپاندىن تېپىلغان

70-بەت

ھوقۇق ۋەسىقىلىرى» (رەشىد رەھمەتى ئارات ئېلان قىلغان) دە: «قوجو بالىق بېگى ئالىپ تۇتۇق ئۆگەبىگ» (قوجو شەھەر بېگى ئالىپ تۇتۇق دانا بەگ) ، «تۇرپان تېكستلىرى» دە: «ئاغىزىنتا سىزنى ئۆگە ئەلقايۇ» (سىزنى ئاغزىدا ئەقىللىق دەپ ماختايدۇ) ، «تاغ ئىچىنتە ئىكى يىك بار ئۆگۆگىن، كۆڭۈلۈگىن بولغايۇر» (تاغ ئىچىدە ئىككى ئالۋاستى بار ، ئەقىللىگىنى ، قەلبىگىنى بولغايدۇ) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «ئۆگۈد» (نەسىھەت، ئەقىل كىرگۈزۈش) ، «ئۆگرەنمەك» (ئەقىل ئاچماق) مەنىلىرىدىمۇ ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلگەن.

ئودغۇرمىش — «ئودغۇر» (ئويغاق، سەگەك) ، «ئودغۇراق» (قانائەت) ئىبارىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تومسېن ئېلان قىلغان «ئورخۇن - يېنىسەي تېكستلىرى» دە: «ئودغىماغ ئودغۇرۇ ياتىغلىغ تورغۇرۇ يورىيۇر مەن» (مەن ئويغىنىپ، ئوخلاپ، تۇتۇپ، قويۇپ يۈرىمەن) ، «تۇرپان تېكستلىرى» دە: «سىزلەرنى ئۈچۈن ئودغۇراق نوملايۇ بىرەيىن» (سىزلەرگە قانائەتلەنگۈدەك نوم كىتابلىرى بىرىمەن) ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ( Ⅰ توم) تە: «ئەمدى ئۇدىن ئودغارۇر» (ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغاندى) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ.

كۆسەمىش بىلەن قۇمارۇ قاتارلىق قوشۇمچە پېرسوناژلارمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىنغان ئىبارە ئاساسىدا ئىشلەنگەن.

«كۆسەمىش» — «كۆسەمەك» (ئارزۇ) دېگەن ئىبارىدىن ئېلىنغان بولۇپ، «ئالتۇن يارۇغ» دا: «بۇرقان قۇتىن كۈسەمەك ئاتلىغ» (ئارزۇ ناملىق بۇرخان قۇتى) ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ( Ⅲ توم) تە: «ئۇل ئانى كۆرمەكنى كۆسەدى» (ئۇ ئۇنى كۆرمەكنى خالىدى) ، «قۇتادغۇبىلىك»تە: «كۆسەپ كەلدىم ئېردى سېنى كۆرگەلى» (سېنى كۆرۈشنى خالاپ كەلدىم) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ.

71-بەت

«قۇمارۇ» — «ۋەسىيەت، يادىكار، مىراس» دېگەن ئىبارىدىن ئېلىنغان بولۇپ، پ. پېللىئوت ئېلان قىلغان «كاليانامكارا ۋە پارامكارا» ناملىق كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھېكايىدە: «بارچاغا قۇمارۇ ساۋ قودتى» (ئۇ ھەممىگە مىراس قالدۇردى) ، «قۇتادغۇبىلىك» تە: «كىشى ئۆلسە ئاندىن قۇمارۇ قالۇر» (كىشى ئۆلسە ئۇنىڭدىن يادىكار قالۇر) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» تىكى تۆت ئاساسىي پېرسوناژنىڭ ئىندىۋىدۇئال كاتېگورىيىلىك خاراكتېرىنى ئالاقىدار تېمىلاردا مۇھاكىمە قىلىمىز. شۇنى قەيت قىلىش ھاجەتكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالەم مودېلىدا «تۆت تادۇ» ، جەمئىيەت مودېلىدا «تۆت ئەش» نى ئالەم مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىنسان بەخت - سائادىتىنىڭ ئۈلى قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا گارمونىك بىردەكلىك ساقلانغاندى.

مۇئەللىپ ئۆز پېرسوناژلىرىدىن ئايتولدى (بەخت) ۋە ئودغۇرمىش (قانائەت) نى قازا قىلىپ ئۆزىنىڭ بىقارار بەخت ۋە بۇزۇلۇۋاتقان ئىجتىمائىي كەيپىياتقا بولغان تراگېدىيىلىك تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىپ ئىپادىلىگەن بولۇشى ئېھتىمال. كۈنتۇغدى بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ ھاياتى ۋە ئۆگدۈلمىشنىڭ ئايتولدى ۋاپاتىدىن كېيىن مەيدانغا چىقىشى بەختسىزلىكنىڭ ئەقىلگە بېرىدىغان ئىلھامى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانغا ئوخشاپ كەتكەن. ئادالەتلىك قانۇن ۋە ئەقىل - بىلىم ھەققىدە مۇتەپەككۇرنىڭ ئۈمىدۋار قاراشلىرى ۋە ئۆگدۈلمىشنى باش قەھرىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشى، مۇئەللىپنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاللىگورىيىلىك [24] ۋە كاتېگورىيىلىك تۆت پېرسوناژنى — ھايات پەلسەپىسىنىڭ تۆت كاتېگورىيىسى، بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي كامالەت ۋە نىجادىيەت مودېلىنىڭ تۆت

72-بەت

قىسمى، ئىنسان تاكامۇللۇقىنىڭ تۆت ئۈلگىسى قىلىپ «رەزمى ئىشارە» شەكىلدە ① تىلغا ئېلىش بىلەن بىللە، بەخت ۋە قانائەت كاتېگورىيىلىرىنى ئىككىلىمچى ئورۇنغا، سۇبىستانسىيىگە بېقىنغۇچى ئاكسىدىناتسىيىلىك قىممەتكە چۈشۈرۈپ، ئادالەتلىك قانۇن ۋە پاراسەت - بىلىم كاتېگورىيىلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا، سۇبىستانسىيىلىك قىممەتكە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 265 - بېيىتىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئىكى تۈرلۈگ ئول كۆر بۇ ئەسلى كىشى بىرى بەگ بىرى بىلگە يالغۇق باشى [ئىككى خىل بولۇر، كۆر، بۇ، ئېسىل كىشى، بىرى بەگ، بىرى ئالىم - ئىنسان بېشى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قارشىدا تۆت سىمۋوللۇق پېرسوناژ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن زىددىيەت مۇنداق ئىدى: بىر تەرەپتە بىقارار، ۋاپاسىز بايلىق ۋە بەخت؛ بىر تەرەپتە ئەقىل، بىلىم ۋە كىشىلەرگە قالدۇرىدىغان ياخشىلىق نىشانلىرى. ئوخشاشلا يەنە بىر تەرەپتە چۈشكۈن، ئۈمىدسىز، تەركىدۇنيالىق يولى؛ يەنە بىر تەرەپتە كۆتۈرەڭگۈ، ئۈمىدۋار، شىجائەت. بۇ يېتۈك رېئالىستىك ۋە ئۈمىدۋار مۇتەپەككۇر كۆرۈنگەن جەمئىيەتشۇناسقا خاس ئەقىل - ئىدرىكى بىلەن مۇرەككەپ، رەڭگارەڭ بۇ جانلىق ھايات مەنزىرىسىدىن يەنىلا ئىلىم، ئادالەتلىك قانۇن ئارقىلىق كىشىلىك دۇنياسىنى تۈزەش يەكۈنىنى چىقىرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ كىتاب تۈزۈلمىسى مۇنداق ئىككى قاتلام بويىچە مەيدانغا كەلگەندى:

① رەزمى ئىشارە - مەلۇم پىكىر، كاتېگورىيە، پىكىر شەكلىنى مەلۇم پېرسوناژ شەكلىدە ئىپادىلىمەك.

73-بەت
  1. بىرىنچى بابتىن ئون ئىككىنچى بابقىچە بولغان 397 بېيىت، تەڭرى، پەيغەمبەر، تۆت ساھابە مەدھىيىسى، بۇغراخان مەدھىيىسى، ئالەم تۈزۈلمىسى ۋە ئىنساننىڭ پەزىلەتلىرى، كىتاب ۋە مۇئەللىپ ھەققىدىكى مۇقەددىمىلىك ئۇلۇغلاش ۋە بايانلار بىلەن تولغان بولۇپ، پۈتۈن داستاننىڭ ئەسلى ھەجمىنىڭ 16 دىن 1 قىسمىدىن كەمىرەك ھەجىمنى ئىگىلەيدۇ.

  2. ئون ئىككىنچى بابتىن سەكسەن بەشىنچى بابقىچە بولغان 6131 بېيىت تۆت پېرسوناژنىڭ دراماتىك ئىش - ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇئەللىپنىڭ ئاساسلىقى جەمئىيەت پەلسەپىسى قاراشلىرىنى تەسۋىرلەشكە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ مۇقەددىمىلىك باياندىن ئازغىنە كەم 17 ھەسسە ئارتۇق سەھىپە ئىگىلىگەن.

داستانغا كېيىنچە مۇئەللىپ قەلەمىگە مەنسۇپ ئۈچ قەسىدە شەكىللىك لىرىك شېئىرىي ئىلاۋە قوشۇلغان بولۇپ، 176 بېيىتتىن تەشكىل تاپقان. بۇلار مۇئەللىپنىڭ كېيىنكى روھىي ھالىتىنى ۋە كىنايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

داستاننىڭ كېيىنچە مۇئەللىپ قەلەمىگە مەنسۇپ بولمىغان 77 بېيىتتىن تەشكىل تاپقان نەزمىلىك مۇقەددىمىسى، ھەر ھالدا داستان يېزىلغان زامان ۋە ماكان تىلىغا يېقىنراق بولغان. مۇئەللىپ قەلەمىگە مەنسۇپ بولمىغان نەسرىي مۇقەددىمە تېخىمۇ كېيىنرەك يېزىلغان بولۇپ، نەزمىلىك مۇقەددىمىنىڭ نەسرىيلەشتۈرۈلۈشى بولغان.

ئۈچ پارچە قەسىدە داستاننىڭ ئىككىنچى قاتلىمىنى، ئىككى پارچە مۇقەددىمە داستاننىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىشىنىڭ ئۈچىنچى قاتلىمىنى ھاسىل قىلغان.

داستاننىڭ دراماتىك ھېكايە لىنىيىسى قىسقىچە مۇنداق:

خاقان كۈنتۇغدى ئۆز ئېلىنى ئەقىل - پاراسەت ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا مۇناسىپ ۋەزىرگە ھاجەتمەن بولۇپ تۇرغاندا

74-بەت

ئايتولدى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كۈنتۇغدى خان ئايتولدىنىڭ بىلىم ۋە پەزىلەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىدۇ. ۋەزىر ئايتولدى بىلەن خاقان كۈنتۇغدى جەمئىيەت ۋە بەخت سائادەت، قانۇن ۋە ئادالەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ. ۋەزىر ئايتولدى ئۆز تەبىئىتى بويىچە جەمئىيەت بەختى سائادىتى يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر كېسەللىك تۈپەيلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىش ئاتىسىنىڭ ۋەسىيەت خېتىنى ئېلىپ خاقان كۈنتۇغدى ھۇزۇرىغا كىرىدۇ. خان ئۆگدۈلمىشكە خەيرىخاھلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ۋەزىرلىك خىزمىتىنى تاپشۇرىدۇ. ئۆگدۈلمىش خاقان كۈنتۇغدىغا دۆلەت، پادىشاھ، دۆلەتنىڭ ۋەزىر ئەمىرلىرى، ھەرخىل دۆلەت خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ لايىقەت شەرتلىرى، ۋەزىپىلىرى توغرىسىدىكى ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئېيتىدۇ. دۆلەتنى ئادالەتلىك ۋە پەزىلەتلىك قىلىش يولىدا كۆپ خىزمەتلەرنى كۆرسىتىپ، خاقان كۈنتۇغدىنىڭ زور ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. خاقان كۈنتۇغدى ۋەزىر ئۆگدۈلمىشكە ئۆز خىزمىتىگە ياردەملەشكۈچى يەنە بىر مۇناسىپ زاتنى تېپىشقا بۇيرۇغاندا، ئۆگدۈلمىش ئۆز جەمەتىدىن بولغان زاھىت ئودغۇرمىشنى بۇ خىزمەتكە لايىق تاپىدۇ. ۋەزىر ئۆگدۈلمىش خاقان كۈنتۇغدىنىڭ ئىككى قېتىملىق خېتىنى ئېلىپ تەركىدۇنيا بولۇپ تەنھا ئىستىقامەتتە تۇرۇۋاتقان زاھىت ئودغۇرمىش ئالدىغا بېرىپ بىر قاتار سىياسىي ۋە پەلسەپىلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ، ئۇنى خەلق ئارىسىغا كېلىپ خەلققە ئەمەلىي بەخت سائادەت يارىتىش ئىشىغا دەۋەت قىلىدۇ. خاقان كۈنتۇغدىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق خېتىنى ئالغان زاھىت ئودغۇرمىش خاقان كۈنتۇغدى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئودغۇرمىش قايتىپ كەتكەندىن كېيىن

75-بەت

تەنھا ئىستىقامەت جەريانىدا كېسەل بولۇپ ئۆلۈم بېشارىتى بولغان بىر چۈشنى كۆرىدۇ. ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ۋەزىر ئۆگدۈلمىش بۇ چۈشكە تۆت زات، تۆت مىجەز ئاساسىدا باشقىچە تەبىر بېرىدۇ. ئاخىرقى قېتىم يوقلاپ كەلگەن ۋەزىر ئۆگدۈلمىش زاھىت ئودغۇرمىشنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن خاقان كۈنتۇغدىغا بىر ھاسا، ۋەزىر ئۆگدۈلمىشكە بىر جەندە خاتىرە بولۇپ قالغاندى.

شۇنداق قىلىپ پېرسوناژلار ئۇچرىشىشى، سۆھبەتلىشىشى، خەت چەك ئەۋەتىش ۋە بىر قاتار ئۇلانما بايان، تەسۋىرلەش بىلەن دراماتىك سۇژىت ئاخىرلىشىدۇ. بۇ جەرياندا كۈنتۇغدى بىلەن ئايتولدى، كۈنتۇغدى بىلەن ئۆگدۈلمىش، ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىش، كۈنتۇغدى بىلەن ئودغۇرمىش ئارىسىدىكى ھېكمەتلىك سۆھبەتلەر، ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدىغا، كۈنتۇغدىنىڭ ئودغۇرمىشقا، ئودغۇرمىشنىڭ كۈنتۇغدىغا يېزىشقان خەتلىرى ھېكايەت لىنىيىسى قىلىنىدۇ.

داستاننىڭ سەل كېيىن بارلىققا كەلگەن 3 قاتلىمى «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» (44 بەيىت)، «زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى توغرىسىدا» (41 بەيىت)، «كىتاب ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھىتى» (42 بەيىت) مەزمۇن ۋە شېئىرىي شەكىل جەھەتتە ئۆزگىچە بولغان. كىشى بىر قاراشتالا بۇ ئۈچ ئۇلاۋنىڭ ئۈچىنچىسى داستاننىڭ خاتىمىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلايدۇ. بۇنىڭدا ئىزچىل يوسۇندا بىلىم كۈيلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ياۋا كېيىكتەك تۈركچە سۆزنى ئاستا ئاستا كۆندۈرۈپ، ئىپار ھىدلىق داستاننى دۇرۇس سۆزلەر بىلەن ئوچۇق ئاشكارا يازغانلىقى خاتىمە تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، ئاخىرىدا تەڭرىدىن «ئودغۇرلۇق» (ئويغىنىش) ۋە مەغپىرەت

76-بەت

تىلىنىدۇ. قالغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەتكە تىزىلغان ئىلاۋە قەسىدىلىرىنىڭ بىرىنچىسى تىرىكلىك تەمەننالىرى ۋە ئۆلۈم ئىككى يۈز بىلەنلا كۆزىتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شائىر ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئوچۇق كىنايە قىلىپ ئۆلۈم ئىگى تىكلەپ ئەلگە ياخشىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. «شاھنامە»دە فىردەۋسى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ماتىمىدە يۇنان ھۆكۈمالىرى ئېيتقان كىنايىلەرگە تەققاس پىكىرلەرنى ئۆزىگە قاراتقان ھالدا ھاكىملارغا تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ قەسىدىلەرنىڭ ئىككىنچىسى باشقىچىرەك بولۇپ، ئۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇ (غايە) تېپىپ، ئۇلۇغۋار كىشىلىك تاپالمىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقا مەركەزلەشكەن. ئۇ:

ئاتى قالدى يالغۇز، كىشى قىلىقى باردى بۇ قىلىقى قايقا باردى، ئۇدۇ مەن بارايى [كىشى نامى قالدى، يوقالدى كىشىلىك، قايان كەتتى كىشىلىك، كېيىندىن باراي مەن.]

دەپ نىدا قىلغان. بۇ مۇتەپەككۇرنىڭ ئىنساننىڭ ياتلاشقانلىقى توغرىسىدىكى يەكۈنى ئىدى. ئەلىشىر نەۋائى بۇ پىكىرنى:

سەن مېنى قانداق تاپۇرسەن، مەن ئۆزۈمنى تاپمىسام.

دەپ قەيت قىلىپ ئۆتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ قەسىدىسىدە «ۋاپا قەھەتچىلىكى» ، «جاپا ئاپىتى» ، «كۆڭۈل بىلەن تىل ئالا بولغانلىق» ، «گۇستاخ» ، «پەس» ، «جاھىللار» دىن جاپا

77-بەت

يەتكەنلىكى ھەققىدە ئۆز شىكايىتىنىمۇ تىلغا ئالغان. بۇ ئىللەتلەر ماھىيەتتە ئۇنىڭ تەركىيدۇنيالىق قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئەمەس، رېئال تۇرمۇشتىكى بۇلغىنىشلارنى پاش قىلىشتىكى جەڭگىۋار تەنقىدىي روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

7. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بەدىئىي ئۆزگىچىلىكلىرى

مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن، بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرى مۇئەييەن ئېتنىك مەدەنىيەت چەمبىرىدىكى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ھايات قانۇنلىرى ۋە تۇرمۇش تىنىقلىرىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت. تەپەككۇر مەزمۇنى ۋە شەكىللىرىمۇ ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي ھېكمەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان شېئىرىي دراما سۈپىتىدە ئۆزى ئاپىرىدە بولغان ۋە ئۆزى يورۇتۇپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت سەھنىسىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ پەلسەپەۋى مەزمۇنلىرىمۇ، ئۇنىڭ ئېستېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت زېمىنىدا مەيدانغا كەلگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن «قۇتادغۇبىلىك»نى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتى ئەنئەنىلىرىنى مۇنبەت تۇپراق قىلىپ يىلتىز چىقارغان، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت مۇھىتىنى ئاتموسفېرا قىلىپ يوپۇرماق چىقارغان ئىنسانشۇناسلىق دەرىخىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.

ئىسلام ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا «قۇتادغۇبىلىك» نى ئىككى غايەت كاتتا مەدەنىيەت تارىخىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرغان ۋە دەۋر بۆلگۈچ جەمئىيەت پەلسەپىسى دەستۇرى تۈزگەن ئۇلۇغ نامايەندە دېيىش مۇمكىن. «قۇتادغۇبىلىك» خاس ئەدەبىيات -

78-بەت

سەنئەت قىممىتى جەھەتتىنمۇ پۈتكۈل تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر يازما ئەدەبىياتى تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى پويېتىك قەسىرە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ شۆھرىتى بىلەن قېرىنداش خەلقلەر ۋە مىللەتلەر قەلبىگىمۇ ھەۋەس ۋە ئىپتىخار قوشقانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» گۈزەل تەپەككۈر خەزىنىسى ۋە گۈزەل قۇرۇلما قەسىرىسى، جۈملىدىن گۈزەل شېئىرىي ئۈنچىلىرى جەھەتتىنمۇ بىر پۈتۈن ئېستېتىكىلىق گەۋدە ھاسىل قىلغان مۇكەممەل ئابىدە. شۇنداق بولۇشقا قارىماي ئۇ بەدىئىي ئۆزگىچىلىكى جەھەتتىن ھەممىدىن ئىلگىرى ۋە باشتىن - ئاياغ شېئىرىي ئەسەردىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر تارىخىدىكى، ئىسلام - ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخىدىكى بۇ تۇنجى بۈيۈك داستان ژانىرى ئەلۋەتتە مۇبارەك مۆتەپەككۈر ۋە شاراپەتلىك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمىگە مەنسۇپ. ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئەلىشىر نەۋائىغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان داستان ژانىرلىرى تەرەققىياتىنى قىياس قىلغىلى بولمىغان بولاتتى. «قۇتادغۇبىلىك» ئۆزىنىڭ يېقىنقى ۋە قەدىمكى ئېتنىك مەدەنىيەت ۋە فولكلور قاتلاملىرى بىلەن كۆزىمىزگە تاشلانسا، ئەلىشىر نەۋائى داستانلىرى «خەمسە» چىلىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ بەيىت شەكلىنى ئىككىلىك (ئارۇز ئىبارىسى بىلەن ئېيتقاندا مەسنەۋى) نەزم شەكلىدە تاماملىغان. ئىخچام شېئىرىي جۈپ قاپىيە ھاسىل قىلىدىغان مۇنداق قوش مىسرا شەكلى خەلق بېيىتلىرى ۋە ئىرسالۇل ماقال - تەمسىللىرىدە ناھايىتى ئۇزاق زامان ياشاپ كەلگەن. بۇنى كۆپلىگەن مىللەتلەر فولكلور ئەدەبىياتىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئىككىلىك شەكلى - ئەرەب پويېزىيىسىدە مەسنەۋى

79-بەت

ئۈلگىلىرى ياراتتى ۋە داستان، ئېپوپىيە، لېگەندا ئىشلەشتە بىر قەدەر قولاي «جەڭگىۋار بەيىت شەكلى» سۈپىتىدە ئومۇملاشتى.

«قۇتادغۇبىلىك» خەلق ئىجادىيىتىگە يېقىن 11 بوغۇملۇق مۇتەقارىب بەھرىنىڭ مۇسەممەنى سالم، مۇسەممەنى مەھزۇپ، مۇسەممەنى مەقسۇر① دىن ئىبارەت ھاسىلە تارماق ۋەزىنلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلغان. بۇ ھاسىلە تارماق ۋەزىنلەر يەنىلا 11 بوغۇملۇق مۇتەقارىب بەھرى بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭدىكى بوغۇملارنىڭ رۇكىن (تۇراق) تۇتۇش تەرتىپى ئالماشىپ كەلگەن②.

«قۇتادغۇبىلىك» 11 بوغۇملۇق بەھرىنى ئىزچىل ساقلىغان ھالدا يەنە قەسىدە شەكلىدىكى غەزەل، تۆتلۈك (رۇبائىي)، تۇيۇق، قىتئە، تەجنىس قاتارلىق پوئېزىيە شەكىللىرىدىنمۇ نەمۇنىلەر كۆرسەتكەن.

ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە قەسىدە ئىچىدە ھەربىر قەسىدىنىڭ بىرىنچى بەيىتى غەزەلىيات قائىدىسى بويىچە جۈپ قاپىيىلىك كەلگەن بولۇپ، ئۇ، قەسىدە ئىچىگە مەسنەۋى كىرىپ قالغان دېگۈچىلەرنىڭ غەزەلىيات تەرتىپىدىن خەۋەرسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ③.

«قۇتادغۇبىلىك»تە (مەسىلەن، 1690 ، 1691 ، 1780 ، 1781 ، 1993 ، 1994 ، 2487 ، 2488 ، 4637 ، 4638 ، 4639 ، 4640 … بەيىتلار) مۇتەقارىب بەھرى


① مۇتەقارىب مۇسەممەنى سالم (سەككىزلىك ئادەتتىكى مۇتەقارىب)، مۇتەقارىب مۇسەممەنى مەھزۇپ (سەككىزلىك چۈشۈرۈلگەن مۇتەقارىب)، مۇتەقارىب مۇسەممەنى مەقسۇر (سەككىزلىك قىسقارتىلغان مۇتەقارىب). ② ۋەھالەنكى، تولىراق تۈركىيە ئالىملىرىدىن مەزكۇر («مىللىي تەتەببۇلار»دە)، نەجىپ ئاسىم («تۈرك تارىخى»دا)، كۆپرۈلۈزادە («تۈركىيە تارىخى»دا) ۋە باشقىلار «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى 11 بوغۇملۇق بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان دېگەن پىكىرنى تەكىتلىشىدۇ. ③ 6520 ، 6565 ، 6605 بەيىتلارغا قارالسۇن.

80-بەت

شەكىلدە ئىككى يۈزگە يېقىن رۇبائىي، قىتئە (مەسىلەن، 173 ، 174 بېيىت)، تۇيۇق قاتارلىق تۆتلۈكلەر بار بولۇپ، نوقۇل مەسنەۋىلىك ئەنئەنىسىدىن پەرقلەنىدۇ. ئۇنىڭدىكى رۇبائىيلار ئۆمەر ھەييامنىڭ ھەزەج بەھرى رۇبائىيلىرىدىن پەرقلىق ھالدا مۇتەقارىب بەھرى رۇبائىيلىرى نۇسخىسى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر، ئۇ يەنە «دەۋر نۇقتىئىنەزەرىدىن ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن قەدىمىي بولۇپ، رۇبائىيلار تارىخىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ①.

«قۇتادغۇبىلىك» تە «بېيىت ھەم ئوبراز، ھەم ئەسەرنىڭ بىرلىكى بولۇپ، ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە بولغان. بۇ ئۇنىڭ سۆز ئىشلىتىش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بولغان»، دەرۋەقە «ئوبرازلارنىڭ خاراكتېرى بېيىتلارنىڭ ھېكمەتلىكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن» ②. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بېيىت شەكىلدىن كېيىنكى مۇھىم بەدىئىي ئۆزگىچىلىك — ئەسەر تەسۋىرىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنى ئىپادىلىگۈچى ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى بىلەن يازما ئەدەبىيات شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر بەدىئىي ئۇسلۇبى بىلەن ئارۇز شېئىرىي شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش، لىرىزىم، رېئالىزىم، رومانتىزىم ۋە دراماتىك ئىپادىلەش ئامىللىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، كاتېگورىيىلىك تەپەككۇر بىلەن ئوبرازلىق پېرسوناژ تەسۋىرىنى بىرلەشتۈرۈش «قۇتادغۇبىلىك» تە خاس بەدىئىي ئالاھىدىلىك بولۇپ گەۋدىلەنگەن. تۇرمۇش رېئاللىقى، مۇتەپەككۇرانە قەلب،

① قەييۇم كەرىموۋ: «ئېپىك بەدىئىي داستان» ، 132 بەت. ② «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە» (س. ن. ئىۋانوۋ: «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ ‹قۇتادغۇبىلىك› ناملىق ئەسىرى ھەققىدە» ) ، 33 ، 34 بەتلەر.

81-بەت

شائىرانە لىرىك ھېسسىيات ۋە ئەسەرنىڭ دراماتىك ئويۇشتۇرۇلۇشى ئۆزئارا مۇجەسسەملىشىپ، بۇ نادىر ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەشتىكى خاس مەنتىقىلىق ئىزچىللىقى بىلەن مەنتىقىلىق ئالماشچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مېنىڭچە، بۇلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەريانىدا تۇغۇلغان ۋە ھەل قىلىنغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا مەدھىيە، مەرسىيە، تەۋسىيە، تەنقىد، دىئالوگ، مونولوگ، بايان، تونۇشتۇرۇش، سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، سىمۋول، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە، كىنايە، ئىستىئارە، قىياس، ئىسپاتلاش، ئاللىگورىيە، سۆز ئويۇنى① ، قاپىيە ئويۇنى② ، ئەقلىيە③ ۋە ئىرسالۇل مەسەللەردىن دەلىل كەلتۈرۈش قاتارلىق مەنتىقىي ھەم بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، خۇددى دولقۇنلار گىرەلەشكەن، كرىستاللار بىر بىرىگە نۇر چاچقاندەك تەسۋىرىي گۈزەللىك ھاسىل قىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەڭگارەڭ تەسۋىرلەش ۋاسىتىلىرىدىن پەقەت تەبىئەت لىرىكىسى ۋە تەبىئەتنى سىمۋوللاشتۇرۇپ – ئىنسانلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەشكە ئائىت بىرقانچە نەمۇنىلەرنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلىنىمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ باھار تەسۋىرىگە بېغىشلىغان 68 ، 78 ، 80 بېيىتلىرىدىن مىسال كەلتۈرىمىز:

① 197 ، 374 ، 564 ، 653 ، 805 ، 1193 ، 1459 ، 1759 بېيىتلارغا قارالسۇن. ② 876 ، 897 ، 1233 ، 1353 ، 1830 ، 2679 ، 3373 ، 3374 ، 4960 ، 5383 ، 6021 ، 6269 بېيىتلارغا قارالسۇن. ③ 805 ، 1049 ، 1183 ، 1424 ، 1916 ، 2047 ، 2756 ، 5474 ، 5923 بېيىتلارغا قارالسۇن.

82-بەت

ياغىز يەر ياشىل تورقو يۈزكە يادى خىتاي ئارقىشى يادتى تاۋغاچ ئەدى [قوڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورقىنى، تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى.] چەچەكلىكتە ساندۋاچ ئۆتەر مىڭ ئۈنۈن ئوقىر سۇرى ئەبىرى تۈنۈن ھەم كۈنۈن [چېچەكلىكتە مىڭ خىلدا بۇلبۇل ئۈنى، ئوقۇر سۇرى ئەبىرى ① كۈن ھەم تۈنى.] قالىق قاشى تۈگدى كۆزى ياش ساچار، چەچەك يازدى يۈز كۆر كۈلەر قاتغۇرار [قاشىن تۈردى ئاسمان، كۆزى ياش چاچار، چېچەكلەر يۈز ئاچتى، كۈلۈپ قاتقارار.]

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 4959 - ، 4960 - بەيىتلىرىدە كۈز پەسىلى تەسىرى پەلەكنىڭ قىزىل يۈزىنىڭ سارغىيىشى، جاھاننىڭ ئالتۇن رەڭدە تاۋلىنىشى، قۇياشنىڭ يۈزىگە سېرىق زەپىران رەڭ سۈركۈۋالغانلىقى، ئالەمنىڭ ھاۋارەڭ شېپىشگە كىرىۋالغانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەسىللەر ئۆزگىرىشىنى ئۆز داستانىنىڭ 4888 - ، 4889 - ، 6219 - ، 6220 - ، 6221 - بەيىتلىرىدە يۇلتۇز بۇرجلىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەسىرى بىلەنمۇ سۈپەتلىگەن .

شائىر كېچە - تۈن تەسىرىنى ئۆز ئەسەرىنىڭ 3284 - ، 3836 - ، 4884 - ، 4885 - ، 4886 - ، 4961 - ، 5029 - ، 6213 - ، 6215 - بەيىتلىرىدە

① ئەبىرى سۇرى «زەبۇر» دىكى سۇلايمان قەسىدىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۇ زېمىنغا گۈللەر ئېچىلغان، قۇشلار سايرىغان مەۋسۈمدا يېتىپ كەلدى» دېگەندەك تەبىئەت لىرىكىسى ئىپادىلەنگەن .

83-بەت

ئالەم ئاق يۈزىنى يوشۇرۇپ قارا چېچىنى يايدى؛ جاھان يۈزىگە قارا بوياق سۈركىدى؛ قۇياش يۈزىگە قارا چۈمبەل سالدى؛ رۇم قىزى يۈزىنى يەرگە يوشۇرغاندا جاھان زەڭگى قىزدەك قارىيدى؛ جاھان تۇل خوتۇننىڭ كىيىمىنى كىيگەندە، ئاسمان شەيتان ئەپتیدەك قارا تۈسكە كىردى، دېگەندەك ئوخشىتىشلار بىلەن سۈرەتلەنگەن. قۇياش ۋە سەھەر تەسۋىرى داستاننىڭ 3288 - ، 3839 - ، 3840 - ، 4893 - ، 4895 - ، 4966 - ، 4967 - ، 5449 - بېيىتلىرىدا يىپەك قالقان؛ نۇرلۇق نەيزە كۆتۈرۈلگەندە، جاھان ئۆڭچىدەك سوزۇلدى؛ پەلەك قارا كۆڭلەكنى يىرتىپ، قارا پەەرەنجىسىنى كۆتۈرۈپ يۈزىنى ئاچتى؛ ئالەم ئاققۇ تۈسىگە كىردى؛ مالائىكتەك تەبەسسۇم قىلدى؛ يۈز ئاچقان كېلىندەك كۈلدى دېگەن سىمۋوللۇق جۈملىلەر بىلەن تەسىۋۋۇر قىلىنغان. ھەتتا شائىر 4893 - بېيىتىدا تاڭ سەھەر كۆرۈنۈشىنى قاراخانىلارنىڭ توققۇز پۇتاقلىق تامغا سىزىلغان قىزىل (ھال) بايرىقىغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن. شۇ سەۋەبلىك «ئىسلام قامۇسى»، «قۇتادغۇبىلىك» تېمىسىدا بۇ بەدىئىي ماھارەت: «تەبىئەت تىلغا كەلتۈرۈلگەن بىر سىمفونىيە دېكوراتسىيىسى ئىچىدە تەسۋىرلەنگەن» دەپ تەرىپلەنگەن ① .

شۇ نېرسە دىققەتكە سازاۋەركى، داستان ئۆزىنىڭ كومپوزىتسىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە تەسۋىرى ئۇسلۇبلىرىنى نوقۇل رېئاللىققا تەقلىد قىلىشقا كۆرە، شائىرنىڭ رېئاللىقتىن ۋە رېئاللىقنىڭ تارىخىي ماھىيەتلىرىدىن ئالغان ئىلھاملىرىنى مۇتەپەككۇرانە ئەقىل جىلۋىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە كۆپرەك قاراتقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈچۈن «ئەكس ئېتىش» كە نىسبەتەن «ئىپادىلەش» ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. شائىر قەلبىدە يالقۇنجاپ تۇرغان پىكىر - ھېسسىيات ئۆزىنى سىرتلاشتۇرۇش

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 262 - بەت.

84-بەت

باسقۇچلىرىدا سىمۋولىزمنىڭ يارقىن ئۈلگىلىرىنى ياراتتى. مۇنداق تەسىۋىرى ئوخشىتىش ئونىڭ قوى بىلەن بۆرە بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىدىغان غايىۋى جەمئىيەت قاراشلىرىنى چۆرىدەپ، تۆت پېرسوناژدىن تاكى ھەربىي سەركەردىنىڭ جاسارەت سىمۋوللىرىغىچە ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەپسانە - رىۋايەتلىرى، ئابىدە ۋە ھېكايەتلىرى، ئەقلىيە ۋە ئىرسالۇل مەسەللىرىدىكى ئېتنىك تەسىۋىرى تىپ ئاساسىدا ئىشلەپ بېرىلدى. يايلاق ۋە شەھەر ھاياتىغا ئائىت ئوبرازلاشتۇرۇش بىلەن ساپ قەدىمكى ئۇيغۇر تىل - ئىبارىلىرى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى بەدىئىي ۋاسىتىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئۆز مۇمكىنلىكلىرىنى نامايىش قىلغان. مۇشۇ نۇقتىدىن س. ن. ئىۋانوۋنىڭ «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> ناملىق ئەسىرى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدىكى: « <قۇتادغۇبىلىك> تىكى ئوبرازلىقنىڭ مەنبەسى تۈركىي خەلقلەر ئېغىز ئىجادىيىتى بىلەن دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان پارس - تاجىك شېئىرىيىتىدىن كەلگەن دەپ پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن»① دېگەن سۆزلىرىنى توغرا تاپىمىز.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بەدىئىي قىممىتى ئونىڭ مۇتەپەككۇر قەلبىنى ئىپادىلەش شەكىللىگە مۇيەسسەر قىلغانلىقىدىلا ئەمەس، ئونىڭ يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان، ئۇيغۇر درامىچىلىق تارىخىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى بىلەن كېيىنكى باسقۇچىنى تۇتاشتۇرغان، يارقىن رېئالىزملىق ۋە تەنقىدىي رېئالىزملىق بەدىئىي ئۇسلۇب ياراتقان تۇنجى دراماتىك داستاندىن ئىبارەت بولغانلىقىدۇر |

8. قىسقىچە يەكۈن

مەھشۇر ئىتالىيان ئالىمى گالىلىي (1564 — 1642) :

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 33 — بەت.

85-بەت

«دۇنيادا پەقەت ئىككى خىل كىتاب بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرى تەبىئەت ھەققىدىكى كىتاب، ئۇنىڭ يەنە بىرى قۇتقۇزغۇچى ئاللاھ ھەققىدىكى كىتاب» دېگەنىدى. گالىلېينىڭ بۇ سۆزى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ بەخت - سائادىتى تېما قىلىنغان «ئىنسان مەركەزلىك نەزەرىيىسى» پىكىر ئېقىمى بىلەن تەڭرى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تەرغىب قىلىنغان «تەڭرى مەركەزلىك نەزەرىيىسى» پىكىر ئېقىمىنىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا گۇمانىزم ۋە راتسىئونالىزملىق مۆتەدىللىق بىلەن ئىلاھىيەتچىلىك ۋە روھانىيلىق مۆتەدىللىقنىڭ كېسىشكەن چېگراسىنى ئىپادىلەيدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» ئىنسانشۇناسلىق كىتابى، جەمئىيەت توغرىسىدىكى ئىلغار گۇمانىزملىق پەلسەپىۋى دەستۇر سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۈگۈنمۇ تەتقىقاتنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى خاراكتېرىنى ئىسپاتلاپ قىلىپ، مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.

ۋ. ۋ. بارتولدنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى «بىباھا تەمسىللەر بىلەن تولغان»، «ھاياتتىن خېلىلا يىراق»، «قىممىتى بەك تۆۋەن ئەسەر» دېگەن قاراشلىرى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» تاجىك - پارس ئەدەبىياتىدىن «ھاسىل» بولغان «ئىككىلەمچى» ئەدەبىيات ئىچىدىكى «بوش نەسىھەت» خاراكتېرلىك ئەسەر دېگەن قارىشى بارغانسېرى بۇ شۆھرەتلىك تارىخشۇناسنىڭ نۇرانە بولمىغان ھۆكۈملىرى ۋە تەتقىقات پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن ئاكادېمىك س. ن. ئىۋانوف «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە، يۇقىرىقى قاراشلارنى قەيت قىلغاندىن كېيىن: «ھالبۇكى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ تېخىمۇ تەتقىق قىلىنىشى

86-بەت

بۇ پىكىرنىڭ خاتالىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى» ① دەپ كېسكىن تىلغا ئالدى. س. ن. ئىۋانوف شۇ ماقالىسىدە: «بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىر جاھان ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن نادىر ئەسەرلەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىشقا مۇناسىپ» ② دەپ روشەن باھالىدى. قەييۇم كەرىموفمۇ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ناملىق ماقالىسىدە: «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قەشقەرىيە تۈركىي خەلقلىرىنىڭ XI ئەسىرگە مەنشۇپ ۋە بىزگە مەلۇم بولغان بەدىئىي ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ يېرىك نەمۇنىسى (قۇتادغۇبىلىك) تۇر» ③ دەپ يازغان.

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شەھەر ۋە يېزا مەدەنىيىتىنىڭ يۈتۈك قامۇسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى نادىر ئەسەر — «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، گەرچە قەشقەردە ۋە باغدادتا ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر ئىككىسىلا خۇددى كېيىكتەك تەمتىرەپ تۇرغان ④ خاقانىيە تۈركىي تىلىنى «بېيىككە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك» ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا خىزمەت كۆرسىتىپ، قارىخانىلار سەلتەنىتىنىڭ ئىچكى مەنەۋى قىياپىتى ۋە غايىۋى تەلپۈنۈشلىرى بىلەن ئۇنىڭ تاشقى تەسىرى، شۇنداقلا خەلقئارا ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بۇ ئالتۇن دەۋرنىڭ ئالتۇن قەلەم بىلەن پۈتۈلگەن بىباھا يادىكارلىقى رەشىد رەھمەتى ئارات ئىبارىسى بىلەن ئېيتقاندا «ھازىرغىچە قول تەگمىگەن خەزىنە» ⑤ دىن ئىبارەت. س. ن. ئىۋانوفمۇ مۇنداق دەپ يازدى: «بۇ داستان ئۈستىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەسەرنىڭ بىرىنچى كۆرۈنۈشتىلا كىشىنىڭ دىققىتىدىن چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن بولغان مول

① ② «چەت ئەل ئالىملىرى (قۇتادغۇبىلىك) ھەققىدە»، 37 - بەت. ③ يۇقىرىقى كىتاب، 175 - بەت. ④ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 6617 -، 6618 -، 6619 - بېيىتلىرى بىلەن «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى ئوخشاشلىققا قارالسۇن. ⑤ «چەت ئەل ئالىملىرى (قۇتادغۇبىلىك) ھەققىدە»، 162 - بەت.

87-بەت

مەزمۇنى بارغانسېرى ئاشكارىلانماقتا . بۇ داستان توغرىسىدىكى تەتقىقات ھازىر تېخى تۇنجى قەدەمنى باستى ① ، «ئالدى بىلەن بۇ داستاننىڭ پەلسەپىۋى ئاساسىنى تولۇق تەتقىق قىلىپ ، ئۇنىڭ شەرهلىشىگە توغرا كېلىدۇ» ② .

ھەقىقەتنى ئېچىشنىڭ ئېلېمېنتار شەرتى — پوزىتسىيە ۋە مېتودنىڭ ھەقىقەتلىك خاراكتېرىگە ئۇيغۇن بولۇشىدىن ئىبارەت . بۇ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ كىتابەت خاراكتېرىنى توغرا شەرهلەشتە ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئەنئەنىۋى ۋە سىنكرېتلىك تارىخى قاتلاملىرىنى توغرا شەرهلەشتە ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئىسلامىيەت بىلەن غەيرى ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى چەمبىرىدە ئاپىرىدە بولغان شەرق ئويغىنىشى پىكىر ئېقىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا شەرهلەشتە ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدىئولوگىيە كاتېگورىيىسىدىكى كەڭ يىلتىزى ۋە كەڭ تەسىرى بىلەن ئۇنىڭ ھەممىنى بېشىدا بولىغان ئىنسانىي ئېتنىك خاسلىقىنى ، ئىشلىتىلگەن ئەدەبىي تىلى مىللىيەتلىكىنى توغرا شەرهلەشتە ، ئەسەردىكى تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ، ئىلاھىيەت ۋە ئىنسانىيەت ، جۈملىدىن تۆت پېرسوناج خاراكتېرىدە گەۋدىلەنگەن كاتېگورىيىلىك مەسىلىلەرنى توغرا شەرهلەشتە ، ئەسەرنىڭ ئۆتۈكلىرى ۋە تۆشۈكلىرى بىلەن تارىخى چېكلىمىسى ۋە نۇقسانلىرىنى توغرا شەرهلەشتە ئەمەلىيلىشىشى كېرەك . بۇ نۇقتىدا سۇبيېكتىۋىزم ، سوفىستىكا ، مېتافىزىكا ۋە مىللىي — شەرقىي ھېسسىياتقا بېرىلىش تەتقىقات گۈلزارىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ .

دېموكىرت توغرا ئېيتقان : پۈتۈن يەر — زېمىن دانىشمەن ئادەمگە ئۆز ئىشىكىنى ئاچقان . چۈنكى كائىنات يۈكسەك قەلبنىڭ ۋەتىنىدۇر .

① ② «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 37 - ۋە 42 - بەتلەر .

88-بەت

Ⅱ باب «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئىدىيە مەنبەلىرى

«ئۇپۇقتا قۇياشتىن چاقنىغاي زىبا ، كىم دانا دېمەككى ئۇ ئاققان دەريا .» — ناسىر خۇسراۋ

1 . «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئىدىيە مەنبەلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش

مۇرەككەپ مۇجەسسەملىك — يوقىرى قاتلامدا تۇرغان ئۇلۇغۋار نەرسىلەرنىڭ تەركىبىي ئالامىتىدىن ئىبارەت . تەبىئەت دۇنياسىدىمۇ شۇنداق ، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر دۇنياسىدىمۇ شۇنداق . بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلغانلىق ياكى گۆدەكلىك ، ياكى جاھىللىقتىن دېرەك بېرىدۇ .

مەلۇمكى ، ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت ، بولۇپمۇ پەلسەپىۋى تۈستىكى ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى ۋە جەمئىيەتنى بىلىش ، ئۆزگەرتىش تارىخىنىڭ بىر قىسمى . ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى ۋە بىلىش مەنبەلىرىدىن ئۆزىگە يىلتىز

89-بەت

قىلىدۇ. ماركسىزم مەدەنىيەت ۋە بىلىش تارىخىنى مەنبەسىز، تەسادىپىي يۈز بېرىدىغان جەريان دەپ قارايدىغان ئىدېئالىستىك ئىنكارچىلىق (نىگىلىزملىق) تەشەببۇسلارغىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىل مەدەنىيەت ۋە بىلىش تارىخىنى مۇئەييەن رايون، مۇئەييەن مىللەت خەلقىدە يەككە - يېگانە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتسىز ھالدا يۈز بېرىدىغان نەتىجە دەپ قارايدىغان مېتافىزىكىلىق كۆز قاراشلارغىمۇ زىت ھالدا، ئىنسانىيەت بىلىش تارىخىنىڭ بىردەكلىك قانۇنى، ۋارىسلىق قانۇنى ۋە راۋاجلىنىش قانۇنىنى تەكىتلەيدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ «مۇقەررەرلىك ئالەمى» دىن «ئەركىنلىك ئالەمى» گە، جۈزئىي ۋە نىسپىي ھەقىقەتلەردىن ئومۇمىي ۋە مۇتلەق ھەقىقەتلەرگە قاراپ تۆزلوكسىز ئىلگىرىلىشىدىكى ھەقىقىي سىر دەل مانا شۇنىڭدا.

قاراخانلار دەۋرنىڭ ئۇلۇغۋار مۇتەپەككۇرى، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت شەرقلىق تەرەققىيپەرۋەر شائىر، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى داستانى «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلگىرى سۈرگەن پىكىرلەر يالغۇز «ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلمىي قامۇسى» بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان ئەنئەنىۋى ھەم سىنكرېتىك مەدەنىيەت قاتلاملىرى بىلەن تەپەككۇر مەنبەلىرىنىڭ، رېئال تارىخىي مۇھىت ۋە مۇتەپەككۇر ئەقلىي پائالىيىتىنىڭ مۆجىزىسىمۇ مەھسۇلىدىن ئىبارەت.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي مەنبەلىرى ھەققىدە پەلسەپىۋى بىلىش تارىخى نۇقتىسىدىن تېخى بىر قەدەر مەخسۇس ئىزدەنىشلەر ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. بۇ ھەقتە چەت ئەل تۈركولوگلىرى «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىن ئۆزلىرى ئىشلىگەن تېكىستولوگىيىلىك خىزمەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ شۇنداق ياكى مۇنداق كۆز قاراشلارنى تىلغا ئالغان، خالاس.

90-بەت

شو نەرسىگە نەزەر سېلىش لازىمكى، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرى ھەققىدە چەت ئەل تۈركولوگلىرىنىڭ ئاندا - مۇندا قىلغان ئىبارىلىرىمۇ بىر - بىرىگە زىت. ئۇنىڭ بىر قىسمى دەلىل - ئىسپاتسىز، كىشىنى قايىل قىلالمايدىغان قۇرۇق مۇھاكىمە بولسا، ئۇنىڭ يەنە بىر قىسمى بىر قەدەر ئىجابىي بولغانلىرىمۇ ئىلمىيلىققا ئىگە بولمىغان باشلانغۇچ قىياستىن يىراقلىشالمىغان.

يەنە شۇ نەرسىگىمۇ نەزەر سېلىش لازىمكى، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشتىن باش تارتىدىغان، ھەتتا مۇنداق مۇھاكىمىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلمىي ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە مەلىكىسىگە نۇقسان كەلتۈرۈش دەپ قارايدىغان، مۇئەللىپنى ياكى تۇغما دانىشمەن، ياكى نوقۇل ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى تەسىرى چېگىرىسىدىن ھالقىپ چىقمىغان قىلىپ ئىزاھلاشقا ھېرىسمەنلىك قىلىدىغان قاراشمۇ مەۋجۇت. بۇ خىل قاراش تارىخىي چىنلىققا زىت بولۇشى بىلەن بىللە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى مەدەنىيەت بېكىنمىچىلىكىدە چەكلەپ قويىدىغان خاتا ھەم زىيانلىق قاراشتۇر. تولۇق تالانت كۆپ قاتلاملىق بىلىم ۋە ئۆتمۈشتە ئېرىشىلگەن مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئاساسىدىلا مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى يايلاق مەدەنىيىتى مۇھىتىدا ئەمەس، بەلكى شۇ ئاساستا ئېرىشىلگەن ئولتۇراقلاشقان شەھەر مەدەنىيىتى ھەم خەلقئارا ئالاقىلەر مۇھىتىدىلا مۇنداق تەپەككۇر بالاغىتى، مۇنداق ئىجادىيەت ماھارىتىگە مۇيەسسەر بولالغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم.

ئېيتىش ھاجەتكى، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرىگە ئالاقە قىلغاندا ھەممە ئۆلگىلەرنى ھىندىستان، ئىران، ئەرەب ياكى گرېك مەدەنىيىتىگە خاسلاشتۇرۇپ قويىدىغان ياكى بۇ جەھەتتىكى تەسىر، ياكى ئوخشاشلىقلارنى مۇتلەق ئىنكار

91-بەت

قىلىشقا قىزىقىدىغان غەيرىي تارىخىي، غەيرىي ئىلمىي قاراشلارغا خاتىمە بېرىش ۋاقتى يەتتى.

بىز «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى ۋە ئىدىيىۋى مەنبەلىرى ئۈستىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇھاكىمىلىرى تارىخىغا قىسقىچە خاراكتېرىستىكا بېرىپ ئۆتىمىز.

ۋ. ۋ. بارتولد «قۇتادغۇبىلىك» نى پۈتۈنلەي ئەرەب - پارس مەدەنىيىتى تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن دېگەن قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىسلامىيەتنىڭ ۋە پارس ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيلەر ئىچىدىكى تەسىرى شۇ قەدەر كۈچلۈك بولغانكى، تۈركىيلەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن» ① دېگەن. بارتولد «قۇتادغۇبىلىك» تىن يەتتە يىل كېيىن مەيدانغا كەلگەن نىزامۇل مۈلۈك [25] «سىياسەتنامە» (يەنە بىر نامى «سىيارۇل مۈلۈك») سى بىلەن، «قۇتادغۇبىلىك» تىن 23 يىل كېيىن مەيدانغا كەلگەن كەيكاۋۇس [26] نىڭ «قابۇسنامە» سىنى «قۇتادغۇبىلىك» كە يېقىنلاشتۇرماقچى بولىدۇ. تۈركىيە ئالىملىرىدىن ف. كۆپرۈلۈزادىمۇ خۇددى بارتولدتەكلا: «ئورخۇن كىتابلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا <قۇتادغۇبىلىك>، تېكى ھۆكۈمران ئىدىيىنىڭ زادى قەدىمكى تۈرك ئىدېئولوگىيىسى ئەمەسلىكى ئوچۇق كۆرۈلۈيدۇ» ② دەيدۇ. ئا. چاپار ئوغلى، ھ. ئىناچىق قاتارلىق تۈركىيە ئالىملىرىمۇ ③ ئىران تەسىرى، بولۇپمۇ ئابۇلقاسىم فىردەۋسى [27] نىڭ «شاھنامە» داستانىنىڭ تەسىرىنى كۆچەپ تىلغا ئالىدۇ. ئۇلار «قۇتادغۇبىلىك» كە ئىلاۋە قىلىنغان

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 123 — 124 — بەتلەر .

② يۇقىرىقى كىتاب، 125 — بەت .

③ يۇقىرىقى كىتاب، 127 — بەت .

92-بەت

بىرىنچى قەسىدىنىڭ 6547 — 6551 - بېيىتلىرىدا تىلغا ئېلىنغان لېگىندا قەھرىمانلىرى ناملىرىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلىشىدۇ. بو پىكىرنى ھ. ۋامبېرى رەت قىلىپ، «قۇتادغۇبىلىك» ، «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم»① دېسە، س . ن . ئىۋانوف: «ئەسەر ئاپتور ياشىغان مۇھىت، پېرسوناژلار، ۋەقەلەر تېخى كۆچمەن (ئۆتمۈش) توغرىسىدىكى خاتىرىلەر پۇختا ساقلانغان تۈرك دۆلىتىنىڭ ئىدىئولوگىيىسى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن»② دەپ يازىدۇ. ئە. بېرتېلىس «تۈركىي خەلقلەر قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىدىكى ئەنئەنە مەسىلىسىگە دائىر» ناملىق ماقالىسىدە: «غەرب تەسىرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىغا قارىماي، ھەرقانداق <قۇتادغۇبىلىك>، نەق ئاشۇ قاراخانلار قەبىلىسىگە خاراكتېرلىك كۆز قاراشلار بىلەن باغلانغان كۆپلىگەن يەرلىك تۈركىي ئەنئەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تامامەن روشەندۇر»③ دەپ يازغان. تۈركىيە ئالىمى كاپسۇغلۇنىڭ « قۇتادغۇبىلىك ، نىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسىدە ئۆزىگە خاس قاراشلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كاپسۇغلۇ ئومۇمەن تۈركىي بولمىغان مەنبەلەرگە قارىغاندا تۈركىي يايلاق — بوستان («بوز - قىر») مەدەنىيىتىنىڭ «يۈكسەك مەدەنىيەت نۆپۈزىنى» چۈشەندۈرۈشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويغان④.

ھىندىستان مەدەنىيىتى تەسىرىنى ئىنتايىن ئالالاھىدە تەكىتلىگەندە بۇددىزىمىدىن كۆرە «كەلىلە ۋە دەمىنە» ھېكايىلىرىنى پاكىت قىلماق بولدى⑤. كاپسۇغلۇ ئۆزغۇرمىشتا

① «چەت ئەل ئالىملىرى (قۇتادغۇبىلىك) ھەققىدە» ، 125 — بەت. ② يۇقىرىقى كىتاب، 26 — بەت. ③ يۇقىرىقى كىتاب، 282 — بەت. ④ يۇقىرىقى كىتاب، 123 — 159 — بەتلەر. ⑤ يۇقىرىقى كىتاب، 127 — بەت.

93-بەت

بۇددىزم تەسىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. ① بۇددىزم تەسىرى لاك يېك قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن داستاندىكى ئۆتگۈرمىشنىڭ تەركىبىدۇنيا قاراشلىرى، داستاندىكى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تۇغۇلماق، قېرىماق، كېسەل بولماق ۋە ئۆلمەكتەك «ئالەم ئازاب دېڭىزى» قاراشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تىلغا ئېلىندى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەختنىڭ بىقارارلىقى، ئالەمنىڭ بىۋاپالىقىنى بۇددىزم تەسىرى دېگۈچىلەرمۇ، سوپىزم تەسىرى دېگۈچىلەرمۇ بار.

گرېك تەسىرىنى تەكشۈرگۈچىلەردىن بومباچى كونتۇغدىنىڭ ئۈچ پۇتلۇق كۇرسىدە ئولتۇرغىنىنى ۋە قىلىچ تۇتقانلىقىنى گرېك ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھە تېمىس بىلەن دىكاغا سىمۋول قىلىپ، ئايتولدىنىڭ توپتا ئولتۇرغانلىقىنى قەدىمكى گرېك «بەخت» ئىلاھى تىئۇخېنىڭ شاردا ئولتۇرغانلىقىغا تەققاس قىلدى. بەزى مۇئەللىپلەر ھەتتا ئەقىل، بىلىم، ئەخلاق ۋە گۈزەللىك مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەنئەنىۋى قاراشلارنىمۇ سوقرات، پلاتون، ئارىستوتېل قاتارلىق گرېك مۇتەپەككۈرلىرى تەسىرىدىن كەلگەن دېيىشىدۇ. كاپسئوغلۇ ئۆز ماقالىسىدە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئادالەت، بەخت ۋە دۆلەت قاراشلىرى مەزمۇنەن گرېك ئىدېئولوگىيىسىگە ئوخشىمايدۇ، دەپ ئېتىراز بىلدۈردى ② .

كوپرۈلۈزادە، س. مەخسۇدى، ئارسال قاتارلىق تۈركىيە ئالىملىرى كۆك تۈركنىڭ [28] رايىشلىق قاراشلىرى بىلەن «ئاپادارلىق»، «مېھرىبانلىق» قاتارلىق ئەخلاقىي تەشەببۇسلارنى «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەقىل، بىلىم ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاراشلىرىنىڭ ئەدەبىي مەنبەسى دەپ قىياس قىلىشقان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 133 - بەت.

② يۇقىرىقى كىتاب، 158 - بەت.

94-بەت

تۈركىيىلىك دىلئاچار ۋە باشقا خەنزۇشۇناسلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خەنزۇ تىلىغا پىششىق بولغان، «قۇتادغۇبىلىك» جۇڭگودا ( «چىن - ماچىن»دا ) كەڭ تارقالغان دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۇڭ فۇزىچىلىق (رايشىلىق) تىكى «ئئالدىنقى پادىشاھلار يولى گۈزەللىكتۇر» (先王之道斯为美) ، «ئەدەپنى بىلمەي پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدۇ» (不知礼、无以立也) دېگەن قاراشلار بىلەن 1899- يىلى دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان «دۇنخۇاڭ ئۆزگەرتمىلىرى» (بۇددا ھېكايە نومۇلىرىنىڭ جۇڭگولاشقان شەكلى) دىكى ئەقلىيە سۆزلەر «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ شەرقىي مەنبەسى بولغان دەپ ئىزاھلاشماقتا. بۇ نورمال تەسىردىن ھالقىغان بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت تىپىغا ۋەكىللىك قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. ئۇلار رايشىلىققا قارشى ھالدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنچىلىق قاراشلىرى بىلەن سوپىلىققا زىت رېئالىزملىق ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىگە دۇچ كەلگەندە ھېچنىمە دېيەلمىدى. بۇ خىل كۆز قاراش ئۇتتۇ ئالبېرت، بروككېلمان، رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە كاپسۇغلۇ قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. بروككېلمان: «دەسلەپ ئويلىغان جۇڭگو ئەدەبىياتى تەسىرى (كۆك زى ئەسەرلىرى نەزەردە تۇتۇلغان — ئاپتور) ھېچقانداق ئىسپاتلىنىدىغاندەك ئەمەس» دېسە، رەشىد رەھمەتى ئارات: «بۇ پەۋقۇلئاددە يۈزەكى شەخسىي بىر مۇھاكىمىدىن ئىبارەت بولغان» دەپ كۆرسەتكەن. كاپسۇغلۇ يەنە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن جۇڭگو تەسىرىنى تېگى - تېكتىدىن تۈركىي تەسىر، چۈنكى جۇڭگودىكى «كۆك»، «كۆكتەڭرى» ئىبارىلىرى (天) تۈركلەردىن كەلگەن، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇتتۇ ئالبېرت، رەشىد رەھمەتى ئارات قاتارلىق تۈركولوگلار ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنانى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنيا

95-بەت

قارىشنىڭ توغرىدىن - توغرا پېشۋاسى سۈپىتىدە تەكىتلەشتى① . ئالبېرتنىڭ كۆرسىتىشىچە: ئىبىن سىنا ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىرلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن پەقەت ئوبرازلىق شەكىللەندۈرۈلگەن داستان ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئىلىمىنىڭ نۇقتىلىق مەسىلىلىرىدىكى كۆز قاراشلار بويىچە بۇ ئىككى مۇتەپەككۇر ئارىسىدا قانچە چوڭ پەرق يوق. رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ كۆز قاراشنى داۋاملاشتۇرۇپ: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىبىن سىنانىڭ شاگىرتى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىدە ئىدېئولوگىيىلىك مەزمۇن نۇقتىسىنەزىرىدىن ئەڭ كۆزگە تاشلانغان تەرەپ ئىبىن سىنانىڭدۇر»② دەپ كۆرسەتتى. كاپسوغلۇ ئىبىن سىنانىڭ قانۇنشۇناسلىق توغرىسىدا ئەسەرىنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ خىل قاراشقا ئېتىراز بىلدۈردى③ .

يوقىرىقىلار «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئەدەبىي مەنبەلىرىنى يورۇتۇشقا ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن روشەن.

رەشىد رەھمەتى ئارات «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىر قانچە خىل نۇسخىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلگەن فاكسىمىل ئىشلىشتەك مۇھىم خىزمەت ئاساسىدا بۇ داستاننىڭ تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسىغا يازغان مۇقەددىمە ماقالىسىدە (158 - بەت)، بۇ داستاننىڭ ئەدەبىي مەنبەلىرى ھەققىدە سىستېماتىك مودېلنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەنبەلىرى «توققۇز رەڭلىك لىتوگرافىيە (تاش باسما) بىلەن بېسىلغان لۆھەگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئۈچ قاتلام تۈركىي

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 125 - بەت.

② رەشىد رەھمەتى ئارات: «<قۇتادغۇبىلىك> نىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە مۇقەددىمە»، 155 - بەت.

③ «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 151 - بەت.

96-بەت

مىللىي ئەنئەنە، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۈچ قاتلام ئارىستوتېل ئىلمىي ئىپىستىمىدىكى ئەخلاقىي ۋە سىياسىي قاراشلار، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىككى قاتلام ئىسلامىيەت تەسىرى ۋە ئەڭ ئۈستۈنكى بىر قاتلىمى ئىبىن سىنا مەسلىكىنىڭ ئەقلىي تۈسى بىلەن بېزەلگەن». بۇنىڭدىن ئەنئەنىۋى تۈركىي مەدەنىيەتنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى تەسىرى، ئارىستوتېل پېرپاتىتىزمى [29] تەسىرى، ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى تەسىرى ۋە ئىبىن سىنا پان ئېتلاچىلىقى تەسىرىدىن ئىبارەت تۆت نۇقتا ئۆز-ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. رەشىد رەھمەتى ئارات ھەر ھالدا ئوتتۇ ئالپبېرتتىن كۆرە ئىبىن سىنادىن ئىلگىرىكى ئاساسىي ئىدىيىۋى مەنبەلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بىلەن ئالغا قاراپ بىر قەدەم تاشلىغان. مېنىڭچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تى ئىپادىلەنگەن پەلسەپىۋى ۋە ئىجتىمائىي كۆز قاراشلارنى مۇنداق ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

بىرىنچى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەر مەدەنىيەت جەۋھىرىگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قاتلىمى؛

ئىككىنچى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى يىپەك يولى بويىلاپ مەيدانغا كەلگەن ئارىلاشما (سىنكرېتىك) مەدەنىيەت قاتلىمى؛

ئۈچىنچى، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئىسلام مەدەنىيىتى جەۋھىرىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدىيىۋى مەنبەلەردىن ئىبارەت.

ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى مەدەنىيەت قاتلاملىرى ۋە ئىدىيىۋى مەنبەلەر خالىغان زامان ۋە ماكاندا ئەمەس، بەلكى «قۇتادغۇبىلىك» مەيدانغا كەلگەن زامان ۋە ماكاندا، خالىغان تەپەككۇر سوبيېكتىدا ئەمەس، بەلكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆرىگىنال پىكىر جەريانلىرىدا ئۆزئارا قوشۇلغان ۋە «قۇتادغۇبىلىك» كە خاس تەپەككۇر سىستېمىسىنى ياراتقان.

97-بەت

2. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قاتلىمى

«قۇتادغۇبىلىك» گەرچە قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ راسا گۈللەنگەن مەزگىلىدە دۇنياغا كەلگەن غايەت زور مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى جەھەتتە ئۇزاق مۇساپىلىق ئاساسقا ئىگە.

مەلۇمكى، ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى ئاپىرىدەگاھلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئانتروپولوگىيىلىك رايون، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا ئۆزىگە خاس قەدىمكى مەدەنىيەت رايونلىرىنىڭ بىرى. ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرى تارىخنىڭ ھەرقايسى كاتتا ئەسىرلىرىدە ئۆزگىچە ئېتنىك مەدەنىيەت تىپى ئالامەتلىرى شەكىللەندۈرگەن.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى تەشكىل قىلغان قەدىمكى قەبىلىلەر ۋە خەلقلەر ئىسلامىيەتكىچە ئىپتىدائىي ئانىمىزم [30] ، ئەجداد ئېتىقادچىلىقى، تۇتېمىزملىق ئىپتىدائىي ئېتىقادلار بىلەن شامانىزم، ئاتەشپەرەستلىك، كېيىنچە بۇددىزم، مانىزم دىنىي ئېتىقادلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كەلدى. ئۇلار تەبىئەت، ئىلاھىيەت، جەمئىيەت، ھاكىمىيەت توغرىسىدا ئۆز مەدەنىيەت تىپىغا خاس بىر قاتار ئەنئەنىۋى قاراشلار ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى جەملىدى. ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ غار - جىلغىلار، يايلاق ۋە بوستان مەدەنىيەت شەكىللىرىگە ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سىنىپىي كۈرەش ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى ئاساسىدا، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، ئەخلاق، فولكلور ۋە ھاكىمىيەتچىلىك توغرىسىدا قەدىمكى ساددا مەدەنىيەت قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى.

98-بەت

ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا سەھنىسىدە ئۇزاقتىن ياشاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ھايات لىگىندىلىرى ۋە تارىخىي شەجەرىلىرى ئوغۇزخان، ئەفراسىياپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا، كېيىنچە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت خانلىقى، قاراخانىلارغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. ھايات تارىخى ئۇلاردا بىر قاتار ئىدېئولوگىيىلىك تارىخ ۋە مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ. دەرھەقىقەت ئىپتىدائىي ۋە قەدىمكى تارىخنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قەبىلىلەر ئارا، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئارا مەدەنىيەت سىنكرېتىزمى بولۇپ تۇرغاندى.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا سۆزلەنگەن «تۆت تادۇ» (تۆت زات) كۆز قارىشى بىلەن سەييارىلەر، يۇلتۇزلار ۋە 12 بۇرچتىن ئىبارەت ئالەم كۆز قارىشى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى خەلقلىرى تارىخىدا ئەڭ كونا تەبىئەت كۆز قارىشى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك»تىكى تىبابەتچىلىك قاراشلىرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش خەلقلەر مەدەنىيەت چەمبىرىدە ئۇزاق داۋام قىلغان تۆت زات، تۆت خىسلەت، تۆت مىزاج ۋە ئەم - ئىرىم ئەنئەنىلىرى ھەم رەسمىي تىببىي ئىلىم ئىپتىدائىي سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدىقۇت تىببىي - دورىگەرلىك ئىلمىي قاراشلىرى بىلەن تارىخىي باغلىنىشلىق بولغان.

«قۇتادغۇبىلىك»تىكى قەھرىمانلىق، يۈكسەكلىك ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىغا سىمۋول بولغان ئوخشىتىشلاردىن مۇئەييەن ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ يىراق تۈپىمىزدىكى ئىزلىرى ۋە ئادەتلىرىنى چەتكە قاقمىغانلىقىنى، ئۇنى ئېتنىك مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم فولكلور مەنبەسى قىلغانلىقىنى كۆرىمىز ①.

«قۇتادغۇبىلىك» شامانىزم ئىزلىرىنىمۇ ئىپادىلىگەن.

① داستاننىڭ 2310 - 2314 - بېيىتلىرىغا قارالسۇن.

99-بەت

داستاننىڭ 1065 - بېيىتىدا «قام» (باقشى) بىلەن تېپىپ سېلىشتۇرۇلسا، 1518 -، 1524 -، 1525 -، 6064 -، 6065 - بېيىتلاردا شامانىزم قاراشلىرى ئاساسىدا جاننىڭ يېشىل كۆككە — روھىيەت قاتلىمىغا ئۇچۇپ كېتىدىغانلىقى ئاللېگورىيىلىك تەسۋىرلەنگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» تەڭرى ئىبارىسىنى ئىزچىل بايات ئىبارىسى بىلەن بىللە ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى ئىلاھىيەتچىلىك ئەنئەنىلىرىنىڭ ئىسلامىيەت مۇھىتىدىكى ئىپادىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. گەرچە بايات ۋە تەڭرى ئىبارىلىرى مەزمۇنەن ئىسلام ئىلاھىيەتچىلىكى بىلەن خاراكتېرلانگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئىبارە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۇزاق تارىخىيلىق قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ يېڭى مۇھىتتىكى يېڭى بېغى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا سۆزلەنگەن ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى، ئىنساننىڭ ئەقلى بىلىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى، ئىنساننىڭ يېڭىلىپ — خاتالىشىپ كېتىش مۇمكىنلىكى، ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ — ئۆلىدىغانلىقى، ئىنساننىڭ بەخت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىملىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلارمۇ قەدىمكى ئەنئەنە ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇلغان. بىز 734 - يىلى بىلگە قاغان مۇئەللىپلىكى ۋە مەشھۇر خەتتات يوللۇغ تېكىن① خوش قەلىمى بىلەن يېزىلغان «كۆلتېكىن ئابىدىسى» دە: «ئۆت تەڭرى ياشار، كىشى ئوغلى قوپ ئۆلگەلى تۆرۈمىش» (زامان تەڭرى ئۆلمەيدۇ، ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن) دېيىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەبىئەتكە، تەڭرىگە ۋە جەمئىيەتكە بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا شامان ۋە ئېتىقادى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى، قەھرىمانلىق داستانلىرى، جۈملىدىن

① يوللۇغ تېكىن — كۆلتېكىننىڭ جىيەنى ئىدى.

100-بەت

«تۇرپان تېكىستلىرى» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن كۆپلىگەن ئېسىل پىكىر ئۈلگىلىرىنى تېپىش مۇمكىن. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەقىل پاراسەت، بىلىم ۋە پەزىلەت توغرىسىدىكى پىكىرلەرنىڭ كونا ئىزنالىرىنى بىز ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن، ئىجادىيەت دەۋرىگە تائىت «تۇرپان تېكىستلىرى» دىن، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن، ھەتتا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىۋاسىتە داۋامى بولغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» داستانىدىن كۆرۈۋالالايمىز.

«توققۇز ئوغۇز بەگلەرى بودۇنى بۇ سابىمنى ئەدگۈتى ئەشد قاتىغدى تەڭلا: » (توققۇز ئوغۇز① بەگلىرىنىڭ خەلقلىرى بۇ سۆزۈمنى ياخشى ئىشتىپ قاتتىق ساقلا: )

«ئەدگۈ بىلىك كىشىگ، ئەدگۈ ئالىپ كىشىگ … » (ياخشى بىلىملىك كىشىلەرلا ياخشى قەھرىمان كىشىلەردۇر) ؛

«بىلىكسىز قاغان ئۆلۈرمىش ئەرتىنچ، يابلاق قاغان ئولۇرمىش ئەرتىنچ. بۇيرۇقى يەمە بىلىكسىز ئەرتىنچ» (بىلىمسىز خاقان بولدى نادان خاقان بولدى، ۋەزىرلىرىمۇ بىلىمسىز ئىدى) ؛

«تۆكۈن! كۆرە گۆگۈن ئۈچۈن» (پۇشايمان قىل! ئىنتىزامسىزلىقىڭ ئۈچۈن)، «بىلمەدوك ئۈچۈن» (بىلىمسىزلىكىڭ ئۈچۈن … ) ؛

«ئىغار ئوغلانىڭىزدا تايغۇنىڭىزدا يىگدى ئىگدۈر ئەر تىڭىز . » (قەدىردان ئوغلانلار، ئەۋلادىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەپ ئۆستۈرۈڭلار).

يوقىرىقىلار «كۆلتېكىن ئابىدىسى» دىكى بىلگە قاغاننىڭ بىلىم ۋە بىلىمسىزلىك، بىلىملىك ۋە نادانلىقنىڭ ئاچچىق ھەسرىتى ھەققىدىكى يەكۈنى ۋە ئەۋلادلارنى بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش توغرىسىدىكى تارىخى تەۋسىيىسى.

«تۇرپان تېكىستلىرى» دە بۇ ئىدىيە مۇنداق شېئىرى شەكىلدە جۇلالاندۇرۇلغان:

① توققۇز ئوغۇز — كېڭاش مەنىسىدە پۈتكۈل توققۇز ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.

101-بەت

بىلىگ بىلىگ يا بەگىم، بىلىگ ساڭا ئېش بولۇر، بىلىگ بىلگەن ئول ئەرگە بىر كۈن دەۋلەت توش بولۇر. [بىلىم بىلىك ئەي بېگىم، بىلىم سىزگە يار بولۇر. بىلىم بىلگەن ئول ئەرگە بىر كۈن دۆلەت بار بولۇر.]

بىلىگ ئەرنىڭ بىلىنگە، تاش قورسانسا قاش بولۇر. بىلىگسىزنىڭ يېنىغا ئالتۇن قويسا تاش بولۇر. [بىلىملىك ئەر بىلىگە، تاش قىستۇرسا قاش ① بولۇر. بىلىمسىزنىڭ يېنىغا، ئالتۇن قويسا تاش بولۇر.]

ئەردەملىك كىشى ئۆردىن بىرلە تۈز ئول، ئەردەمسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىندەكى ئولياق بىرلە تۈز ئول. [ئەخلاقلىق كىشىنىڭ تۈزلۈكى گۆھەرنىڭ تۈزلۈكى، ئەخلاقسىز كىشىنىڭ تۈزلۈكى ئۆتۈك ئولتىنىڭ تۈزلۈكى.]

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە بۇ پىكىر مۇنداق خەلق بېيىتلىرى تۈسىنى ئالغان:

بىلىگ ئەرىگە ئەدگۈ تۇتۇپ سۆزنى ئېشت، ئەرەمنى ئۆگرە نېمەن ئىشقا سورا. [بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ سۆزىن ئىشت پەزىلەتتىن ئۆگەن ھەممە ئىشقا ئاشۇر.]

① قاش تېشى، بۇ يەردە ئومۇمەن ئېسىل تاشنى كۆرسىتىدۇ.

102-بەت

ئەردەم تىلە ئۆگرە نىبەن بولما كۆۋەز، ئەردەمسىزىن ئۆكۈنسە ئەگمە كۆدە ئەگەر . [ پەزىلەت ئىزدە ئۆگىنىشتە، بولما مەغرۇر، نادان ماختانسا ئۇ سىناق ئۈستىدە سۇنۇر . ] ئالغىل ئۆگۈت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە، بويدا ئۇلۇغ بىلىگە بولۇپ بىلىگىڭ ئولە . [ مېنىڭ نەسىھىتىمنى ئاڭلا ئوغۇل، پەزىلەت ئىزلە، ئەلدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ بىلىم سۆزلە . ] ئەردەم ئوزا ئەرەنلەر، ئەردەم بېگى بىلىگ تاغ، ئايدى ئوقۇش ئۆگۈتلەر، كۆڭلۈم بولۇر ئاچار ساغ . [ ئۆتمۈشتە شۇنداق ئەرلەر ئۆتكەن، بىلىمى تاغدەك بار، قىلغان نۇرغۇن نەسىھەت، ئەسلىسە دىل كۈچ تاپار . ] ئولا بولسا يول ئازماس، بىلىگ بولسا سۆز يازماس . [ بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس . ]

بۇ خىل ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ئۇيغۇر ۋە ھەرقايسى تۈركى خەلقلەر مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىزچىل ئىپادىسى سۈپىتىدە قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق داستانىدا رەسمىي ئېتىكىلىق [31] سىستېما سۈپىتىدە بايان قىلىنغان . «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» گەرچە «قۇتادغۇبىلىك» تىن كېيىن يېزىلغان بولسىمۇ، ئۆنىدىكى ئەقىل، بىلىم ۋە پەزىلەت توغرىسىدىكى تەتۈكلەر بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلار ئەنئەنىسىنىڭ پەلسەپىۋى رۇبائىيات تۈسىگە كىرگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ .

بىلىگدىن ئۈرۈرمەن سۆزۈمگە ئۆلا، بىلىگلىككە يا دوست ئۆزۈڭنى ئولا، بىلىگ بىرلە بولۇر سائادەت يولى، بىلىگ بىل، سائادەت يولىنى بولا .

103-بەت

[بىلىم دەپ سۆزلىدىم سۆزۈمنى تىڭلا ، ئەي دوستۇم بىلىملىككە ئۆزۈڭنى ئۇلا ، بىلىم بىلەن ئېچىلۇر سائادەت يولى ، بىلىم ئال ، سائادەت يولىنى بويلا .]

سۆڭەككە يىلىكتەك ئەركە بىلىگ ، ئەرەن كۆركى ئەقىل ئول سۆڭەككە يىلىگ . بىلىگسىز يىلىگسىز سۆڭەكتەك ھالى يىلىگسىز سۆڭەككە سۇنۇلماز ئەلىگ .

[سۆڭەككە يىلىكتەك ئەركە بىلىگۈلۈك ، ئادەم گۈزەللىكى ئەقىل ، سۆڭەك زىننىتى يىلىك . بىلىمسىزنىڭ ھالى يىلىكسىز سۆڭەككە ئوخشار ، بىلىمسىز سۆڭەككە يوق نەزەر - ئىلىك .]

بىلىگلىگ سۆزى پەند ، نەسىھەت ئەدەپ ، بىلىگلىكنى ئۆگدى ① ئەجەم ھەم ئەرەپ ، تاۋارسىزغا بىلىگى تۈگۈنمەز ② تاۋار ، نەسىپسىزگە بىلىگى يېيىلماز ③ نەسەب .

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا تەمسىل قىلىنغان ئەقلىيىلەرنىڭ سالماقلىق بىر قىسمى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز كىتابىدا بىر قانچە ئورۇندا «ئاتالار سۆزى» سۈپىتىدە توغرىدىن - توغرا ئەنئەنىۋى ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە ئىرسال ماقاللارنى قوللانغان ④ . بۇ پىكىر مەنبەلىرىنى «مۇئتار مەگزەتۇ ئايدى تۈركچە مەسەل» ، «مۇئتار مەگزە تۆكەلدى تۈركچە مەسەل» ، «مۇئتار مەگزە تۆر ئەھمەدى شائىر

① ئۆگدى — ماختىدى . ② تۈگۈنمەز — تۈگىمەس . ③ يېيىلماز — ئۈزۈلمەس . ④ 110 - 216 - 245 - 261 - 273 - 306 - 319 - 336 ، 412 - 426 - 433 - 441 - 445 - 471 - 555 - 668 ، 711 - 723 - 739 - 820 - 1336 - 1594 - 1758 ، 1798 - 1826 - 1962 - 3830 - بېيىتلارغا قارالسۇن .

104-بەت

“سۇ سۆز” دېگەندەك مىسرالار بىلەن روشەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەن .

“قۇتادغۇبىلىك” داستانىدا خۇددى ئورخۇن ئابىدىلىرىدىكىدەك ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ياشىغان يۇرتلار ، توققۇز ئۇيغۇر خاقان ، بۇيرۇق ، يابغۇ ۋە بەگلەر تىلغا ئېلىنغان .

«كۆلتېكىن ئابىدىسى»دە ئۆتۈكەن تېغى ۋە ئورمانلىقى «ئۆتۈكەن يىشدا يېگ ئىدى يوق ئەرمىش» (ئۆتۈكەن ئورمانلىقىدەك ياخشى جاي يوق ئىدى) دېيىلگەن بولسا ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ 1962 - بېيىتىدا :

نە گۆتەر ئەشتگىل ئۆتۈكەن بەگى سناپ سۆزلەمىش سۆزنى يەترۈپ ئۆگى [ئېشتكىن ئۆتۈكەن بەگى نېمە دەر ، سناپ ھەم سۆزنى بىلىپ قىلغان ئەرا .]

دەپ يېزىلغان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق ئېرسال — ئەقلىيە مىسرالرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن :

نە گۆتەر ئەشتگىل ئۆچ ئوردۇ خانى : [نە دەيدۇ ئۆچ ئوردا بەگى ئاڭلىغىل :] تاكى مۇندا بەگرەك ئايور تۈرك خانى : [تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتار تۈرك خانى :] ئىدى ياقشى ئايمىش بۇ ياغما بەگى : [بۇ ياغما بەگى ، بەكمۇ ياخشى دېگەن :] نە گۆتەر ئەشت ئولۇغ كېنت بەگى : [نە دەيدۇ ئولۇغ كېنت بەگى ئاڭلىغىل :] نە گۆتەر ئەشت ئەل ئەركنى : [نە دەيدۇ ئىشتكىل ئەل ئەركنى :] نە گۆتەر ئەشت تونغا ئالپ ئەرىغ : [نە دەيدۇ ئېشت پازىل قەھرىمان :]

ئۆچ ئوردا خانى ، تۈرك بۇيرۇقى (ۆزرى) ، بۈگۈ يابغۇ (ۋالىي)سى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ شۇنداق مىسرالار كەلتۈرۈلگەن .

105-بەت

«قۇتادغۇبىلىك»تە تىلغا ئېلىنغان كۆپلىگەن ئۇرسال مەسىلىلەر، ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە 180 دىن ئارتۇق ھەر خىل ئىبرەتلىك تەمىسىللەر ھازىرقى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ئەنئەنىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان.

روشنەكى، ئۇيغۇر خەلقى ئورخۇن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان دەسلەپكى ھاكىمىيەت زامانىدىلا «قۇت» ۋە ئۇ توغرىلىق «بىلىك» مەسىلىلىرىگە ھەممىدىن كۆپ كۆڭۈل قويغان، ئۆز قاغانلىرىنى «قۇت»، «بىلىك» ناملىرى بىلەن شۆھرەتلەنگەن، خەلق قەلبىدە، كېيىنچە مەڭگۈ تاشلاردا ئەينى زاماننىڭ «قۇتادغۇبىلىك»ى، ئۇنىڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىپادىلىرى بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا غەربىي ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتاقلىق سەرەكەردىسى ۋە قەھرىمانى ئافراسىياپ ھەققىدە «قۇتادغۇبىلىك»تە قىممەتلىك مەلۇمات بېرىلگەن. ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» داستانىنىڭ تولىمۇ نۇرغۇن سەھىپىلىرىدە ئىزچىل تەسۋىرلەنگەن تۇران شاھى ئافراسىياپ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئالپ ئەر توڭا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىز دەسلەپ «قۇتادغۇبىلىك»تىن، ئۇنىڭدىن كېيىنلا «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن بىلىمىز. «قۇتادغۇبىلىك» ئالپ ئەر توڭانىڭ نامىنى «ياخشىلىق قىلماق توغرىسىدا ئۆگۈت ۋە نەسىھەت» سۆزلەنگەن بابتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى دۈشمەننى تىغ — قەلەم بىلەن يەڭگەن، ئەلنى قانۇن — قەلەم بىلەن ئىدارە قىلغان پەزىلەتلىك «تۈرك بېگى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا كۈنتۇغدى ئېلىگنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى دۆلەت ۋە ھوقۇق سىماسى سۈپىتىدە تىلغا ئالغاندا مۇئەييەن قاراتمىلىقنى نەزەردە تۇتسا كېرەك، ئەلۋەتتە. «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئىدېئولوگىيەگە ۋەكىللىك قىلغان بىردىنبىر ئېپىك قەھرىمان ئالپ ئەر توڭا»① ،

① س. ن. مونوۋ: «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا» ( «چەت ئەل ئالىملىرى «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە» ، 27 - بەت) .

106-بەت

«ئاۋېستا» دا تۇران ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە، «شاھنامە» دە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ سەردارى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن① ئىدى.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بېرىلگەن تەبىئەت تەسۋىرى ئۆزىنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن «ئوغۇزنامە» ، «كۆلتېكىن ئابىدىسى» ، «تۇرپان تېكىستلىرى» ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىكى تەبىئەت تەسۋىرى ۋە مۇھەببەت لىرىكىسى بىلەن ئاھەڭداش ۋە رەڭداش بولغان. بىز بۇ ھالەتنى XIII ئەسىر مۇئەللىپى رابغۇزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان «قەسەسۇل ئەنبىيا» ناملىق داستانى بىلەن شائىر مۇھەممەد خارەزىمىنىڭ سىر دەريا بويىدا ئۇيغۇر تىلىدا يازغان «مۇھەببەتنامە» ناملىق لىرىك داستانىدىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى تەبىئەت تەسۋىرى ۋە مەۋسۇم قوشاقلىرىغا خاس ئېستېتىك كۆز قاراشنىڭ ئىزچىل راۋاجىنى ئىسپاتلايدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلىم - پەن، دىن، تارىخ ئاتالغۇلىرى ۋە جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئېلىنغان. خۇدا «تەڭرى» ، «بايات» دەپ، پەيغەمبەر «يالۋاچ» دەپ ئاتىلىشتىن تاشقىرى، 12 بۇرچ ئىسىملىرىنى، قوياش ۋە سەييارىلەر ئىسىملىرىنى ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە ئالغان. 68 مىڭ سۆزلۈك لۇغەت قىممىتىگە ئىگە كلاسسىك داستان «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىشلىتىلگەن ئەرەب، پارس ئاتالغۇلىرى ئاران 400 خىلدىن ئاشمىغان.

دېمەك، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئېرىشكەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئەڭ

① س. ن. ئىۋانوف: «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا» ( «چەت ئەل ئالىملىرى «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە» ، 27 - بەت).

107-بەت

توپلۇق ئاساسىي مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە گېنىئالوگىيىلىك بۆلۈكنى ھاسىل قىلغان. بۇ، يېگانە توپ مەنبە، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھېچقانداق تەسىر ۋە سىنكرېتىزم مەسىلىسى ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

3. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى سىنكرېتىك مەدەنىيەت قاتلىمى

مەلۇمكى، تارىخ، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندىمۇ مەدەنىيەت تارىخىدىن، مەدەنىيەتنىڭ قاتلاملىق تەرەققىي قىلىش تارىخىدىن ئىبارەت. مىللىي مەدەنىيەتمۇ، رايون (چەمبەر) مەدەنىيىتىمۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىمۇ شۇنداق.

بىرەر مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ماھىيەتتە شۇ مىللەت ئەھمىيىتىدىن ھالقىغان، شۇ مىللەتنىڭ پائالىيەت تارىخىدىن ھالقىغان بولىدۇ. بۇ، بىرەر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئۇنىڭ قاتلاملىرى يالغۇز ئۆزىنىڭلا ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە شۇ مىللەتنىڭ تەركىبى تۈركۈمى، ھەتتا شۇ مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرى ئارقىلىق شۇ مىللەت مەدەنىيەت فوندىغا كىرىپ كەلگەن يېقىن، ھەتتا يىراقتىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزلەشكەن مەدەنىيەت تەسىرى ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن سۆز. تەسىر كۆرسەتكەن مىللەتمۇ تەسىر قوبۇل قىلىدۇ. تارىخ مۇنداق سىنكرېتىك مەدەنىيەت [32] مەنبەلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى ئەڭ كۆپ بېيىتقان مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى شۇنچە زور بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەدەنىيەت ئانتروپولوگىيىسىدە ئىككى تۈرلۈك خاتا قاراش ئۇزاق داۋاملىشىپ، ناچار پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلغانىدى. ئۇنىڭ

108-بەت

بىرى «مىللىي مەدەنىيەت تەدرىجىي تەرەققىياتى (ئېۋوليۇتسىيىسى) نەزەرىيىسى» [33] ، بۇ قاراشقا ئېدۋارد تېيلورنىڭ 1872 - يىلى ئېلان قىلغان «ئىبتىدائىي مەدەنىيەت» ناملىق ئەسىرى بىلەن جېيمىس فرازىرنىڭ 1890 - يىلى ئېلان قىلغان «ئالتۇن شاخاپچىلار» ناملىق كىتابى ئاساس بولدى. بۇ خىل قاراش بويىچە مىللىي مەدەنىيەت نوقۇل شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تەدرىجىي راۋاجى ئاساسىدىلا راۋاجلىنىدۇ.

ئىككىنچى خىل قاراش «مەدەنىيەتنىڭ دىففۇزىيە (كېڭىيىش) نەزەرىيىسى» [34] بولۇپ، ئۇنىڭغا فرىدرىخ راتزېل 1888 - يىلى ئېلان قىلغان «ئىنسانىيەت جۇغراپىيىسى» ، ف. گىراېبنېر 1905 - يىلى ئېلان قىلغان «ئوكيانىيىچە مەدەنىيەت چەمبىرى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمى» دېگەن كىتاب ئاساس سالغان. بۇ خىل قاراش بويىچە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بىر ياكى بىر قانچە مەدەنىيەت مەركىزىدىن باشقا مىللەتلەر ۋە رايونلارغا دىففۇزىيە قىلىنىدۇ، تارقىلىدۇ. مىللەتلەر «تەبىئىي مىللەت» ۋە «مەدەنىي مىللەت» دېگەن ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، «تەبىئىي مىللەتلەر» «مەدەنىي مىللەتلەر» تەرىپىدىن مەدەنىيەتلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك خاتا قاراش مەدەنىيەت تارىخى مەسىلىسىنى قويۇق جاڭگالغا باشلاپ كىردى. «مىللىي مەدەنىيەت تەدرىجىي تەرەققىياتى نەزەرىيىسى» ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرەر، مىللەتچى دەپ ئاتىۋالغۇچىلار تەرىپىدىن باشقا مىللەتلەر تەسىرىنى ئىنكار قىلىشتا ئىشلىتىلدى. «مەدەنىيەت دىففۇزىيىسى نەزەرىيىسى» تەرەپدارلىرى قانداقتۇر ئالىي شەرق، غەيرىي ئالىي شەرق ۋە «غەرب مەركەزلىك نەزەرىيىسى»نى كۆچەپ تەرغىب قىلىپ، كوسموپولىتىزم ۋە مىللىي نىگىلىزم [35] تۇيغۇلىرىنى تارقاتتى.

«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى يۇقىرىقى ئىككى خىل ناتوغرا قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىدى. بۇ «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت مىللىي ۋە مەھەللىۋى قىممەتتىن ھالقىغان

109-بەت

ئالەمشۇمۇل تارىخنى ئەھمىيەتلىك تەپەككۇر خەزىنىسىنى ئېچىشقا پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق.

شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان قەبىلىلەر يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۇغىدا ياشاپ، ئارىيان ئانتروپولوگىيىسى [36] ۋە تۇران ئېتنولوگىيىسى [37] بىرلەشتۈرگەن؛ ئاسىياچە ئاق جىنس ۋە سېرىق جىنسنى بىرلەشتۈرگەن؛ شىمال بىلەن جەنۇب، يايلاق بىلەن بوستان، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شەھەر مەدەنىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن؛ شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتى تەسىرىنى بىرلەشتۈرگەن خاس ئەنئەنىۋى ۋە خاس سىنكرىتلىق مەدەنىيەت تىپىنى ياراتتى. ئىپتىدائىي ئېتىقادلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ياكى باشقا رايونلاردىن ئېقىپ كىرگەن شامانىزم، زاروئاسترىزم (ئاتەشپەرەستلىك) [38] ، بۇددىزم، مانىزم [39] قاتارلىق دىن ۋە ئالەم قاراشلىرى بىلەن بىر قانچە خىل يېزىق شەكىللىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىنكرىتلىق تۈسىنى كۈچەيتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەرگە نىسبەتەن شەھەر مەدەنىيىتى ۋە خەلقئارا ئالاقىلەرگە بالدۇر قەدەم قويغانلىقى ۋە كلاسسىك ئەدەبىيات، كلاسسىك سەنئەت، كلاسسىك پەلسەپە سەمەرىلىرىگە مۇيەسسەر بولالغانلىقىدا بۇنداق كۆپ ئېقىملىق سىنكرىتىزم ھادىسىسىنىڭ شاراپىتى روشەن گەۋدىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇمىغانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەنمەسلىككە ئېلىپ بارىدۇ.

شۇنى ئېيتىش كېرەككى، شەرق - غەرب، شىمال - جەنۇب خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى چوقۇم بۇ ئالاقىلەرنىڭ مەلۇم «مەدەنىيەت مەركىزى»دىن «تەبىئىي ھالەتتىكى مىللەت»كە تارقىلىشى، ئۆلگە - ئۈلگىگە يارىتىشى دېگەنلىك ئەمەس. بۇ تولىمۇ يۈزەكى ۋە بالىلارچە قىزغىنلىق بىلەن تولغان يەڭگىلتەك قاراشتۇر.

110-بەت

ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرىدىكى ئالاقە بىر قانچە مىڭ يىل داۋامىدا داۋاملىشىپ، بەزىدە دولقۇن شەكىللەندۈرۈپ كەلگەن. قەدىمكى دى - زېي ۋە كۈيفاڭ «狄翟隗方» قەبىلىلىرى خۇا - شىيا قەبىلىلىرى بىلەن يېقىن ئۆتكەن. ئۇلار «دى رۇڭ ئېلى»، «جۇڭشەن ئېلى»، «زېي - ۋېي ئېلى» ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرغان [40]. قاراسۇق مەدەنىيىتى يادىكارلىقلىرى [41] ۋە شىمالىي دىغار، غەربىي ساكلارنىڭ چۇڭچيۇ بەگلىكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى تارىخنىڭ يىراق ئۆتمۈشىنى گەۋدىلەندۈرسە، خەن - تاڭ مەدەنىيىتى بۇ خىل ئالاقىلەرنىڭ يەنە بىر تارىخىي قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن. «قۇتادغۇبىلىك» مۇئەللىپى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بوددىزم تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان چۇئاپ (سۇياب) ۋە خوتەن، كۇسەن، ئېندىقۇت مەدەنىيەتلىرىدىن سىرتتا قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەۋرگىمۇ، قەدىمدىمۇ مۇنداق تەسىر يەنىلا ئۆزئارا بولغان. بۇنىڭغا جاۋلىڭۋاڭ، چىن شىخۇاڭ، خەن ۋۇدى، شىمالىي سۇلالىلار، سۈي سۇلالىسى، تاڭ شۆەنزۇڭ زامانىدىكى مەركىزىي ئاسىيادىن ئات مەدەنىيىتى، تۇرمۇش مەدەنىيىتى، موزىكا - ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتە قوزغالغان تارىخىي خاراكتېرلىك دولقۇننى مىسال قىلىش كۇپايە.

ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ خاس مەدەنىيەت تىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خانلىق ھوقۇقنى خەلق ھوقۇقى بىلەن تىزگىنلەش مودېلىغا ئاساس سالمىسىمۇ، ئومۇمىي مەرىپەتچىلىك تەسىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى قاتلىمى ئارقىلىق تەسىر قىلىشى تارىخقا تولىمۇ ئۇيغۇر ھادىسە ئىدى.

تاجىك - پارس مەدەنىيەتلىرى قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى مەدەنىيىتى بىلەن دائىم ئالاقىدە بولۇپ كەلدى.

111-بەت

سومېرلار، ئارىيانلار ۋە سوغدىلار بۇ مەدەنىيەتلەرنى تۇتاشتۇرۇشتا رول ئوينىغان. ئۆھالەنىكى، ئارىيان قەبىلىلىرى بىلەن سوغدىلار كېيىنچە ئىران ۋە تۈركىي خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىش بىلەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت چۆكمىلىرىگە ئۆز قالدۇقلىرىنى تاشلىغاندى. ئاتەشمەشرەپلىك ۋە ئىبتىدائىي فولكلور خەزىنىلىرىدە چاقناپ تۇرغان بۇ تەسىر سامانىلار ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاكىتى بىلەن مەزمۇنەن ئۆزۈلگىنى يوق. «شاھنامە» داستانى ۋە قەدىمكى ئىران تارىخىغا قىزىقارلىق ماۋزۇ بېغىشلانغان ئەفراسىياب، تۇمارىس ۋە قەدىمكى تۇران لېگېندىلىرىنىڭ تەسىرىنى، جۈملىدىن خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدە شەرق تېپەككۇرىغا جىلۋە قوشقان مۇسا خارەزمى، ئەلفەرغانى ۋە ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ ئۆلمەس تۆھپىلىرىنى ھەرقانداق ھەقىقىي ئىرانشۇناس ئىنكار قىلالمايدۇ.

ھىندىستان مەدەنىيىتى تەسىرى ئۈستىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق. بوددىزم مەيلى دىنىي ياكى مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە بولمىسۇن ھىندىستاندا شەكىللەنگەن بوددا سىنكرېتىزمى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھاياتىغا ئېلىپ كىردى. ھىندى سانىسكىرىت دەستۇرلىرى سوغدى ۋە ئۇيغۇر بوددا ئالىملىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ جەھەتتە كۇماراجىۋا، خۇيلەن، سۈيلى سۇما، ئەنزاك، سىگفۇ سېلى قاتارلىق كۆرۈنگەن ئالىملار مەيدانغا كەلدى.

گرېك مەدەنىيىتى ئالېكساندىر ماكېدونىسكىينىڭ شەرققە يۈرۈشى، گرېك - باكتىرىيە ۋە ھېللىنىزملىق [42] گرېكلەشكەن دۆلەتلەر مەدەنىيىتى ئارقىلىق بىر قانچە ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تارىخىي پاكىت. دەرهەققە، گرېك كلاسسىك مەدەنىيىتى مىسىر، كرىت ئارىلى، كىچىك ئاسىيا، مېسسوپوتامىيە، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سىكتاي

112-بەت

چەۋەندازلىرى مەدەنىيەتنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن سىنكرىتلىك مۇجەسسەملىنىش نەتىجىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەنىدى. بىز ھىپپوگراتنىڭ «تۆت فەسس» (تۆت ئېلېمېنت) تەلىماتىدا، ئارستوتېلىسنىڭ ئاتلىق قوشۇن تاكتىكىلىرىدا سىمپىليان — سىكتايلار تەسىرىنىڭ روشەنلىكىنى كۆرىمىز.

گرېك مەدەنىيىتى ئەرەب مەدەنىيىتى گۈللەنگەندە — ئابباسىيە خەلىپىلىكى زامانىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ تەسىر ئەلخارەزمى، ئىبنى سىنا، ھەتتا ئۇلۇغبېك قاتارلىق ئالىملار ئارقىلىق قايتىپ بېرىپ غەربىي ياۋروپا رېنېسسانسىغا تەسىر پەيدا قىلدى.

ئەرەب مەدەنىيىتى تەسىرى مۇرەككەپ — سىنكرىتلىك مەدەنىيەت تەسىرى ئىدى. بىز «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىسلام ئەقىدىسى، ھەمدۇسەنالار، ئەرەب يېزىقى ۋە ئارۇز بەھرىلىرىنى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى دېيىش بىلەن بىللە، يەنە «قۇتادغۇبىلىك»نى تۈركىي — ئەرەبى تىل بىلەن تۈركىي — ئەرەبى مەدەنىيەت توقۇنۇشقان ھالەتتە مەيدانغا كەلگەن؛ رىئال دۇنيادا ئاددىي ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي بەخت — سائادىتىنى ئىلىم — قانۇن — مالىيە — قوشۇن — مائارىپ — ئەخلاق ئارقىلىق بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان خاس «ئىنسان بەختنامىسى» دەپ قارايمىز.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت قاتلىمى ئۈستىدە توختالغاندا، بىرىنچىدىن، ئەنئەنىۋى قاتلامنىمۇ، سىنكرىتلىك قاتلامنىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ئىككىنچىدىن، ھەر خىل تاشقى تەسىرنىڭ ھەقىقىي كونكرېت سالماق ئۈستىدە ئىلمىي تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا، مۇنداق تاشقى تەسىرنىڭ مىللىي، ئىچكى، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارغا ئۆزلەشكەن — ئۆزلەشمىگەنلىكىگە توغرا ئىزاھات بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىزنىڭ پرىنسىپىمىز، ئەمما مۇشۇ كىتابتا تەتقىق قىلىدىغان تېمىمىز ئەمەس. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت

113-بەت

قاتلىمى ھەرقاچان مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي بولۇقى، گەۋدىسى ۋە سۇبيېكتى ئىكەنلىكىنى، سىنىكرېتلىق تەسىر ھەرقاچان مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئوزۇقى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم.

«قۇتادغۇبىلىك» ۋېنگىرىيە ئالىمى ژ. تېئوردى ئېيتقاندەك خەنزۇچە ئەسەرنىڭ تۈركچە كۆز قاراشقا سېلىنغان تەرجىمىسى ئەمەسلىكى روشەن. «قۇتادغۇبىلىك» كۆك زى «كالامنامە»سى ياكى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى «شاھنامە»سىنىڭ تۈركىي شەكلى ئەمەسلىكىمۇ روشەن. مەن «كۆك زى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتنىشىش جەريانىدا ۋە «شاھنامە»نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىش جەريانىدا بۇ ئەسەرلەرنى بىر-بىرىگە بىۋاسىتە مەنبە دەيدىغان قاراشلارنىڭ يۈزەكى ۋە مەسئۇلىيەتسىز سۆھبەت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. «كالامنامە»، «شاھنامە» ھەتتا بوددا دەستۇرلىرىدىكى ئىنسانغا ئىنسانىي ھېسداشلىق، ھالاللىق، بىلىم ۋە ئادالەت قاراشلىرى نوقۇل بىرەر مەنبە تەلەپ قىلمايدىغان ئومۇمىي كىشىلىك قاراشلىرى كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك قاراشلىرىدىكى مىللەت ۋە رايوندىن ھالقىغان ئورتاق غايىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ۋەھالەنكى، «كالامنامە»، «شاھنامە»، «قۇتادغۇبىلىك» ئوخشاشمىغان تۈزۈلۈمگە ئىگە، ئوخشاشمىغان خاراكتېر ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەر بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورگىناللىققا ئىگە بايلىقتىن ئىبارەت.

شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا «پاراللېل تىپ» ۋە «تەسىرلەنگەن تىپ» [43] بىر-بىرىگە ئارلاشتۇرۇلماسلىقى لازىم. يۇقىرىقى ئۈچ ئۇلۇغ ئەسەر پاراللېل تىپقا كىرىدىغان ئەسەرلەر جۈملىسىدىندۇر. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ خەمىسەلىرى گەرچە خاس قاراتمىلىق ۋە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە بولسىمۇ، ئۇ خەمىسە ژانىرى تەسىرىدە، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى

114-بەت

خەمسە شەكىللىرىگە جاۋابەن يېزىلغانلىقى بىلەن كۆزگە تاشلىنىدۇ. فارابىينىڭ بىرقاتار شەرھى ئەسەرلىرى ھەققىدىمۇ شۇنداق دېيىش مۇمكىن. ئىنسانىيەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىغا ئوخشاش تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە. «ئەگەر ھەربىر تەسەۋۋۇرنى بىرلا مەنبەگە باغلاپ قويۇش زۆرۈرىيىتىگە ئاساسلىنىدىغان بولغاندا، يەر يۈزىدە ئوخشاش غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۈتۈن ئېتىقادلار ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى — بىرىگە ئوخشاپ كېتىشى، ئوخشاش مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان قوراللار شەكىلىنىڭ بىرى — بىرىگە ئوخشاپ كېتىشى تۈپەيلى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇرچىكىدە ياشايدىغان ئىلمىي خادىملار ئالدىغا ئىجادىيەتتە بىر — بىرىگە ئوخشاپ كەتكەنلىك تەلىپىنى شەكىللەندۈرگەن بولاتتى» ① . كاپسوغلو بۇ نۇقتىنى توغرا ئېيتقان. سېلىشتۇرما تەتقىقاتتىكى دوگماتىزم ۋە مېتافىزىكىچىلىقنىڭ خەتىرى شۇكى، ئۇ «مەدەنىيەت دىففۇزىيىسى نەزەرىيىسى» ، «مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى نەزەرىيىسى» نىڭ تۈگمىنىگە سۇ قويىدۇ، خالاس.

4. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئەدەبىي مەنبەلىرى

ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن بىللە ئېقىپ كىرگەن ئەرەب پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ مۆتەزىلىزم ۋە پانتېئىزملىق پىكىر ئېقىملىرى ، جۈملىدىن ئىسلام روھانىيلىقى كۆز قاراشلىرى بىلەن ئاتالمىش ئەرەب

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 154 - بەت.

115-بەت

تەبىئەت ئىلمى كۆز قاراشلىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىدېيىۋى مەنبەسىنى تەشكىل قىلدى. بۇنىڭسىز «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ XI ئەسىر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئىدىئولوگىيەسىنىڭ تارىخى خاراكتېرلىك روشەن ئېنىقلىقى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس.

شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، ئەرەب مەدەنىيىتى چۈشەنچىسى يالغۇز ئەرەب يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولغان ۋە ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيەدە ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ئەينى زاماندىكى سىياسىي تەركىبى بولغان ئەرەب خەلىپىلىكى كۆرسىتىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. مۇھىمى ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا رىم ۋە ئىسكەندەرىيە مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى ئارىسىدىكى مۇھىم بىر دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيا تارىخىدا VI — XV ئەسىر ئارىلىقىدىكى مىڭ يىلغا يېقىن ئوتتۇرا ئەسىر ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇرغان ۋە ئالەمشۇمۇل تارىخى خاراكتېرلىك شۆھرەت قازانغان مەدەنىيەت، شەرقتە ئېلىمىزنىڭ سۈي — تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يارىتىلغان پارلاق مەدەنىيەت بىلەن پۈتكۈل ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا قىتئەلىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى بىرلەشتۈرگەن ئەرەب مەدەنىيىتى بولدى.

بىز ئەرەب مەدەنىيىتى دېگەندە نوقۇل ئىسلام دىنىغا ئائىت مەنەۋى مەدەنىيەتنى چۈشىنىش بىلەن چەكلەنمەيمىز. بىز ئەرەب مەدەنىيىتى دېگەندە، يەنە ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ مەلۇم نەتىجىلىرى ياكى ئەرەب مىللىتىنىڭ بىر مىللەتلىك مەنەۋى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەنمۇ چەكلەنمەيمىز. ئەرەب مەدەنىيىتى چۈشەنچىسى بىر تارىخىي چۈشەنچە سۈپىتىدە، ئەرەب مىللىتى

116-بەت

ئويغانغان ۋە تارىخنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن ھىندى دەرياسىدىن ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە مەيدانغا كەلگەن ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئورتاق مەدەنىيىتىنى، شۇنىڭدەك، مۇنداق ئوتتۇرا ئەسىر ئورتاق ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغان قەدىمكى مېسسوپوتامىيە، نىل، پېرسىيە، تۇران، ھىندىستان مەدەنىيەتلىرى بىلەن جۇڭگو ۋە گىرېتسىيە مەدەنىيەتلىرىنىڭ تارىخىي ۋارىسلىقىنى مەزمۇن قىلىدۇ. ئەگەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە ئىسلامىيەتتىن غەيرىي مۇنداق قەدىمكى مەدەنىيەتلەر نەزەردىن ساقىت قىلىندىكەن، ئۇ ھالدا ئەرەب مەدەنىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەرەب مەدەنىيىتى مەيلى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن، مەيلى تەبىئەت ئىلمى ياكى پەلسەپىۋى كۆز قاراشلار جەھەتتىن بولمىسۇن ئىسلامىيەت يىپىنچىسى بىلەن قايتا گەۋدىلەنگەن قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەبىئىي راۋاجى، تارىخىي ۋارىسى سۈپىتىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىسىنى كېيىنكىسىگە تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر باسقۇچنى شەكىللەندۈرگەن.

ئىسلامىيەتنىڭ بىر خىل دىنىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە قاراخانىلار خاندانلىقىغا ئېقىپ كىرگەن ۋاقتى، ئونىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەر (630 — 632) دىن كېيىنكى ئابابەكرى (632 — 634)، ئۆمەر (634 — 644)، ئوسمان (644 — 656)، ئەلى (656 — 661)① دىن ئىبارەت تۆت خەلىپىنىڭ «ئەھلى راشىددىن» دەپ ئاتالغان جۇمھۇرىيەت دەۋرىنى، دەمەشقىنى مەركەز قىلغان ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكى (661 — 750) دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، باغدادنى مەركەز قىلغان ئابباسىيە (750 —

① بۇ ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان يىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

117-بەت
  1. خەلىپىلىكنىڭ ئىككى ئەسىرلىك تەرەققىياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ئىدى. بۇ دەۋرگە يەتكەندە، ئەرەبلەر چۆل مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان چەكسىز ئۇسسۇزلۇقى بىلەن گىرېك — رىملىقلار، مىسىر ۋە ھىندىستانلىقلار، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ نەچچە ئەسىردە ئېرىشكەن بىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىگىلەپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. پەقەت ئەرەبلەرلا ھارۇن رەشىد (789 — 809 — يىللىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن)، بولۇپمۇ خەلىپە مەئمۇن (813 — 833 — يىللىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) دەۋرىدە ئارىستوتېل ئەسەرلىرى، پلاتون ۋە يېڭى پلاتونىزم مىراسلىرى، پىفاگور، ئېۋكىلىد، ئارخىمېد، پتولېمېي، گالېن، ھىپپوكرات [43] تەبىئەت ئىلمى نەتىجىلىرى، ھىندىستان ماتېماتىكىسى، جۇڭگو تىبابەتچىلىكى ۋە قەغەزچىلىك سانائىتى قاتارلىقلار جەھەتتە ئىلمىي نۇپۇزىنى تىكلىگەن ئىدى. ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىدىن مۇھەممەد مۇسا خارەزمى، ئەبۇ ئابباس ئەھمەد ئەل فەرغانى، ئەبۇ نەسر فارابى، ئىبىن سىنا، ئەبۇ رەيھان بىرۇنى قاتارلىقلار يېڭى شۆھرەت قوشتى.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، گەرچە ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام شەرقىدە دىن ۋە كالام تەلىماتلىرى① ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە ھېسابلانغان، ئۇنىڭغا قارشى ھەرقانداق كۆز قاراش «دەھر» لىكتە ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما جانلىق ھايات ئەمەلىيىتى، بىلىش تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى ئىسلام شەرقىدە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقنى شەكىللەندۈردى. بۇ خىل كۆپ خىللىق ئىچىدە ئوتتۇرا ئەسىر تەبىئەت ئىلمى،

① كالام — سۆز دېگەن ئىبارە بولۇپ، كالامىزم — كالام تەلىماتلىرى ئىسلام ئىلاھىيەتچىلىكى — ئىسلامنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي پەلسەپىۋى تەلىماتلار سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

118-بەت

مۇتەرزىلىزم، پان ئىلاھچىلىق، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقپەرۋەرلىكى ئىدىيىلىرى ئۆز تەرەققىياتىغا يول ئاچقانىدى.

بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىن ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مانا شۇنداق كۆپ خىللىقنى ۋە مۇنداق كۆپ خىللىق ئىچىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان تەبىئەت ئىلمىي كۆز قاراشلىرى، ئىنسان مەركەزلىك كۆز قاراشلىرى، ئىنسان ئەقىل - پاراسىتىنى قەدىرلەش كۆز قاراشلىرى، خەلقپەرۋەرلىك ۋە ئىنسان باراۋەرلىكى كۆز قاراشلىرى، ئىجتىمائىي بەخت - سائادەت ۋە مەنىۋى پەرھىز كۆز قاراشلىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈۋالالايمىز.

«قۇتادغۇبىلىك» تە رەسمىي ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ تەسىرى سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق دېيىش كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك جەھەتتىن رەسمىي مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىدىكى مۇتەپەككۇر ۋە شائىر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇ ھەقتە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە ئالەم كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالغاندىمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. ئەمما، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى ئەينى زاماندا ئېران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان روھانىيەتچىل سوپىزم، دەرۋىشلىك ۋە ئىبادەتچىلىك، تەقۋادارلىق ۋە زاھىتلىق ھەتتا تەركىدۇنياچىلىق كۆز قاراشلىرىدىن ئۆزىنىڭ رېئال دۇنيانى قەدىرلىشى، ئىنسان ئەقلى - پاراسىتى ۋە ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنى قەدىرلىشى ئارقىلىق كېسكىن پەرقلىنەگەن. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى دىنىي پەلسەپىنى تەرغىب قىلغۇچى ياكى دىنىي ئەخلاقنى تەرغىب قىلغۇچى دىداكتىك ئەسەر سۈپىتىدە باھالاش ئۈچۈن ھېچقانداق ئاساس يوق.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاپتورى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېتنىك

119-بەت

ئەنئەنىگە خاس ئىلغار كۆز قاراشلىرى بىلەن ئەينى زامان ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى تەبىئەت ئىلمى ۋە تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرىنى، ئەخلاقىيلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كۆز قاراشلىرىنى ماھىرانە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس ۋە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئىلغار خاراكتېرلىك كۆز قاراش شەكىللەندۈرگەن. بىزچە، بۇ جەھەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ھەممىدىن كۈچلۈكرەك تەسىر كۆرسەتكەن نەرسە ئىسلام مۇئتەزىلىزىمى بىلەن فارابىنىڭ پان ئەقلانىيەتچىل قاراشلىرى بولغان.

مەلۇمكى، «مۇئتەزىلىزىم» ئاتالغۇسى ئەرەبچە «مۇئتەزىلە» سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، «بۆلۈنمەك»، «ئايرىلىپ چىقماق» دېگەن مەنانى بىلدۈرەتتى. بۇ سۆز كالام تەلىماتلىرى («ئىلمۇل كالام») غا شۈبھىلەنگەن ۋە كېيىنچە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان ئىسلام مۇئتەزىلىزىمىگە قارتىلغانىدى.

مۇئتەزىلىزىم ئۆمەۋىيە (661 — 750) دەۋرىدە مەيدانغا كەلدى. ئابباسىيلار، بولۇپمۇ خەلىپە مەئمۇننىڭ گىرىكلەردىن ئۆگىنىش ھەرىكىتى شارائىتىدا كەڭ تارقالدى. خەلىپە مەئمۇن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە گىرىك ئىدېئولوگىيىسى ۋە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ «زىددىيەتلەر بىرلىكى» نەتىجىسى سۈپىتىدە رەسمىي شەكىللەنگەن ۋە پۈتۈنلەي ئىسلامىيەت قىياپىتىگە ئىگە بولغان مۇئتەزىلىزىم كۆز قاراشلىرىغا ئاشكارا ھامىيلىق قىلدى. خەلىپە مۇتەۋەككىل (847 — 861 يىللىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان) يۇقىرى قاتلام دىنىي ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مۇئتەزىلىزىمنىڭ تەڭرى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى رەسمىي كالامىزم كۆز قاراشلىرىغا زىت ھېسابلاپ تەقىپ قىلىشقا كىرىشتى.

مۇئتەزىلىزىم كالام ئەقىدىلىرىنىڭ مەنتىقىي زىددىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ شۈبھىلىنىشكە ئۇچرىشىدەك جىددىي بوھراننى گەۋدىلەندۈرگەنىدى. ئۇنىڭ تۈپ ئىدېيىسى كالام ئەقىدىلىرىدىكى «تەڭرى مەركەزلىك» كۆز قاراشلىرىغا زىت ھالدىكى «ئادەم

120-بەت

مەركەزلىك» كۆز قاراشلىرىنى سىستېمىلاشتۇرغان ئىدى. مۆتەزىلىزم كالام ئىلاھىيەتچىلىكىدىكى تەڭرىنىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى «ئىلمۇل تەۋھىد» كە، تەڭرىنىڭ سۈپەتلىرى كۆپ خىللىقى ھەققىدىكى «ئىلمۇل سۈپەت» كە، دىنىي تۇرار-جايسىزلىق ① ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ھامىيسى بولغان قانۇنشۇناسلىق «ئىلمۇل فىقھ» قا خىلاپ ھالدا، تەڭرىنىڭ بىر قاتار ئىلاھىي سۈپەت - خاسىيەتلىرىگە گۇمان بىلەن قارىدى؛ ئىنساننىڭ ئەلمىساقتى پۈتۈلگەن تەقدىر - قىسمىتى توغرىسىدىكى ئەقىدىگە قارشى ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى ۋە ئىرادە ئەركىنلىكى كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئىنسان ئۆز ئۆزىنىڭ قەدر - قىممىتى، بىلىش ئىقتىدارى، ئىنساننىڭ ئەقىل - ئىدراكى ۋە مەنتىقىي تەپەككۇرى ھەقىقەت بىلەن ساختىلىقنى پەرقئېتىدۇرۇشنىڭ مىزانى دېگەن ئەقىلچىلىك كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھەتتا جان بىلەن روھنى بەدەن بىلەن ھايات پائالىيىتى ئاساسىدا ئارالاشقا كىرىشتى. مۆتەزىلىزم ئەينى زامان مەنىۋى ھاياتىغا سىڭىپ، پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك فېئودالىزمغا ۋە غەرب خەلىپىلىكىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى نىقابلانغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. بىز مىسىر پاتىمە خەلىپىلىكى ئاساسى بازار قىلغان ئىسلام شىئىزىمى [44] بىلەن ئىران، خۇراسان ئىسمائىلىزم [45] تەرەپدارلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئەبۇ ئەلئەلائ، ئىبراھىم ئەل نەززەم، ئەل جەھىز، مۆتەممەر قاتارلىقلارنىڭ مۆتەزىلىزم تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرىمىز. ۋەھالەنكى، خۇددى ك. ماركس كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك «ئىسمائىلىزم سىستېمىسى ئىسلامىيەتكە تەسىر كۆرسەتكەن ھىندى - پېرسىيە تەلىماتلىرىنىڭ مۇرەككەپ نەتىجىسىدىن ئىبارەت» ② ئىدى.

① تەبىقە - قاتلاملىق.

② «ماركس - ئېنگېلس ئارخىپلىرى» رۇسچە 7 توم، 127 - بەت.

121-بەت

مۇتەززىلىزم ئىسلام ئىلاھىيەتچىلىكىگە يان تەرەپتىن زەربە بېرىپ، ئىنساننىڭ قەدر - قىممىتى ۋە تەڭ ھوقۇقلۇقى پىكىر ئېقىمىنى قانچىلىك جانلاندۇرۇۋەتكەن بولسا، ئۇ يەنىلا ئىسلام دىنى ئىدىئولوگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى، خالاس. ئۇ ئاخىر شىئىزم مەزھىپى، كارامەتچىلىك ۋە سوپىزم ئېقىمىغا قاراپ يۈزلەندى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مۇتەززىلىزم باشلىغان ئىسيانكار كۆز قاراشلار X ئەسىر ئىنسىكلوپېدىستلىرى بولغان «ئىخوانۇل سافا ۋە كۆللە نۇل ۋاپا» (سادىق دوستلار) [46] مەخپىي ئىلمىي ئېقىمىنىڭ «رىسالەت» ناملىق ماقالىلار توپلىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شەرقنىڭ ئىلغار پەلسەپىۋى ۋە ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئەسىر مەرىپەتچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن مۇتەززىلىزم شولىسىنى كۆرۈۋالالايمىز.

«قۇتادغۇبىلىك» ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئەقىلچىلىك ۋە ئىنسان تەقدىرىنىڭ ئەزەلدىن بەلگىلەنمىگەنلىكى توغرىسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيىلەر بايرىقىنى كۆتۈرگەن مۇتەززىلىزم تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. بىز بۇنى ئەقىل - پاراسەت نامايەندىسى بولغان دانىشمەن ئۆگدۈلمىش بىلەن تەڭرى مەركەزلىك كۆز قاراشلىرى ئاسارىتىدىكى ۋە باقىي ئالەم خىيالىي تەسىرلىرىگە بەنت بولغان تەركىدۇنيائىچى زاھىت - ئودغۇرمۇش ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگ ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرىدىن روشەن كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما، بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۆز قاراشلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىلمىي مەنىسى ئىسلام مۇتەززىلىزمى دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىقماسلىقى كېرەك. ئەھالەنكى، ئەقىل ۋە ئىنسانغا غەمخورلۇق

122-بەت

تۇغرىسىدىكى قاراشلار ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تېخىمۇ قەدىمكى تارىخى شەكىللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى. مۇئتەزىلىزم ئىسلامىيەت شارائىتىدا بۇ ئەنئەنىۋى قاراشنى قايتا ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلدى، خالاس.

5. يۈسۈپ خاس ھاجىپ — فارابى ئىلغار ئىدىيىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى

مەلۇمكى، ئەبۇ نەسىر فارابى قەدىمكى گىرېك پەلسەپىسىنىڭ ئىلغار مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئارستوتېل تەلىماتلىرىنىڭ ئىلغار مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىسلامىيەت شەرقىدە راۋاجلاندۇرۇپ بىر پۈتۈن ناتۇرال پانتېئىزم (پان ئىلاھىيەتچىلىك①) لىق پەلسەپىۋى سىستېما ياراتقان دۇنيادىكى تارىخى خاراكتېرلىك مۇتەپەككۇر ئىدى. فارابى ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەبىئەت قاراشلىرى، مانى دىنىنىڭ ئىنساننىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي — سىياسىي قاراشلىرى، ھىندىستان، گىرېك — باكتىرىيە [47] ۋە كۇشان مەدەنىيىتى [48] سەمەرىلىرىنىڭ تەسىرىنى ئۆزىدە ساقلىغان مەنىۋى ئىلمىي گۆرۈھىنىڭ [49] تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى ئاساسىدا ئارستوتېل تەلىماتلىرى بىلەن تونۇشتى ۋە ئارستوتېلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» (ئەلمۇئەللىمۇسسانى).

① ئوتتۇرا ئەسىر پانتېئىزمى (پان ئىلاھىيەتچىلىكى) ئىككى قىسىمغا — رۇھانىيەتچىل پان ئىلاھىيەتچىلىك ۋە ناتۇرال پان ئىلاھىيەتچىلىككە بۆلۈنىدۇ. رۇھانىيەتچىل پان ئىلاھىيەتچىلىك تەبىئەتنى تەڭرىگە قوشۇۋېتىش بىلەن ئالەم بىرلىكىنى ئىزاھلىسا، ناتۇرال پان ئىلاھىيەتچىلىك تەڭرىنى تەبىئەتكە قوشۇۋېتىش بىلەن ئالەم بىرلىكىنى ئىزاھلايدۇ. ناتۇرال پان ئىلاھىيەتچىلىك ئەڭ ئىپتىدائىي پانتېئىزم قاراشلىرىدا ساددا ئىپادىلەنگەن. بۇ XVIII ئەسىردە غەربىي ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكى (دېئىزم) دىن ئىلگىرى شەكىللەنگەن. رۇھانىيەتچىل پان ئىلاھىيەتچىلىك سوپىزمدىن ئىبارەت.

123-بەت

ئەلسانى ) دېگەن شۆھرەتلىك نامغا ئىگە بولدى . فارابىزم - ئوتتۇرا ئەسىر شەرق ئارىستوتېلىزمى سۈپىتىدە تاكى ياۋروپا پانتېئىزمى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى چەكلى بولغان سپىنوزا [50] پانتېئىزمىغىچە ئىزچىل راۋاجلىنىپ پۈتكۈل پەلسەپىۋى بىلىش تارىخىدا پەلسەپىۋى بىلىشنىڭ ئانىمىزم (ياكى ئىپتىدائىي دېئىزم) ، تېئىزم (ياكى بىر تەڭرىلىك دىنلار)دىن ئىبارەت ئىككى خىل فورماتسىيىسىدىن كېيىنكى ، ماتېرىيالىزم (ياكى ئاتېئىزم) ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم (ياكى ماركسىزم)دىن ئىبارەت ئىككى خىل بىلىش فورماتسىيىسىدىن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى خىل بىلىش فورماتسىيىسىنى - ناتۇرال پانتېئىزمنى شەكىللەندۈردى . فارابىزم (ناتۇرال پان ئىلاھچىلىق ) پەلسەپىۋى سىستېمىسىنىڭ بىلىش تارىخىدىكى سالماقلىق تارىخى ئورنىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىلغار ئىلمىي پەلسەپىۋى ئېقىملىرىنى ، ئۇلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتى ۋە تارىخى ئىزچىللىقىنى يورۇتۇش مۇمكىن ئەمەس . بولۇپمۇ ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ، ئىبىن سىنا ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكى ، ناسىر خىسراۋ① ، ئىبىن بەجە② ، ئىبىن تۇفەيىل③ ، ئىبىن رۆشد④ ، ئىبىن مەيمۇندى⑤ . ئىبىن خەلدۇن⑥ ، نىزامى گەنجىۋى⑦ ، پەخرىدىن رازى⑧ ، ئەلىشىر نەۋائى ، ئابىدۇقادىر بېدىل⑨ قاتارلىق ئىسلام شەرق

① ناصر خسراؤ (1004 - 1088) ئۇلۇغ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەپەككۇرى .

② ③ ④ ⑤ ⑥ ئىبىن بەجە (؟ - 1138) ، ئىبىن تۇفەيىل (1110 - 1185) ، ئىبىن رۆشد (1126 - 1198) ، ئىبىن مەيمۇندى (XI ئەسىر) ، ئىبىن خەلدۇن (XIV ئەسىر) شىمالىي ئافرىقا ۋە غەرب ئىسپانىيىسىدىكى مەشھۇر فارابىزم ۋارىسلىرى ، ئىسلام شەرقلىق تەرەققىيپەرۋەر پان ئىلاھچىلىق تەرەپدارلىرى .

⑦ ⑧ ⑨ نىزامى گەنجىۋى (1142 - 1203) ، پەخرىدىن رازى (1148 - 1210) ، ئابىدۇقادىر بېدىل (1644 - 1721) ئىسلام شەرقلىق مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار ، شائىرلار ، پان ئىلاھچىلىق نامايەندىلىرى .

124-بەت

پانتېئىزمى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئارقا كۆرۈنۈشىنى روشەنلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس .

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر پەلسەپىۋى داستانى «قۇتادغۇبىلىك»تە بىر قىسىم چەت ئەل تۈركولوگلىرى بىر چاغلاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك بىۋاستە گىرىك پەيلاسوپلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئارىستوتېلنىڭ تەسىرى ئەمەس، بەلكى «ئوتتۇرا ئەسىر ئارىستوتېلى» دەپ شۆھرەت قازانغان ھەم ئۆزى بىلەن ۋەتەنداش بولغان ئالىم فارابى پەلسەپىۋى تەلىماتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سىياسىي - ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك سېزىلىدۇ . «قۇتادغۇبىلىك»تىكى تۆت زات ۋە ئالەم كۆز قاراشلىرى، ئەقىل - پاراسەت ۋە تىل - تەپەككۇر قاراشلىرى، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى كۆز قاراشلىرى، بولۇپمۇ ئىلىم ۋە ئادالەتلىك قانۇن بىلەن دۆلەتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى پاراۋان قىلىش ئىدىيىسى ئەھمىيىتىتە فارابىنىڭ بىر قاتار پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى «پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ قاراخانلار ئىجتىمائىي - سىياسىي شارائىتىدا ئىجادىي گەۋدىلەندۈرۈلۈشى بولدى .

شۇ نەرسىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، فارابى تەلىماتلىرى ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئوتتۇرا ئەسىر دىنىي ئىلاھىيەتچىلىكى مەزگىلىدىلا تەقىپ قىلىنىشقا باشلىغان . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «ئەبۇ نەسر» تەخەللۇسىدا لاتىن ياۋروپاسىغا تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، چېركاۋ سوتى تەرىپىدىن ئىبىن روشد ئەسەرلىرى بىلەن بىللە قاتتىق چەكلەنگەن . كېيىنكى ۋاقىتلاردا فارابى ئەسەرلىرى «غەرب مەركەزلىك نەزەرىيىسى» تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان ۋە سۇيىئىستىمال

125-بەت

قىلىنغانىدى. خەلقئارا مۇستەملىكىچىلىك سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە شەرق خەلقلىرىنىڭ تارىخىي ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ فارابىشۇناسلىق پەلسەپە تارىخىي تەتقىقاتىنىڭ يېڭى تارمىقىغا ئايلاندى.

ئوتتو ئالبېرتنىڭ يېڭى فارابىشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن خېلى ئىلگىرى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى ئارىستوتېل ۋە ئىبنى سىنا ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن، دېگەن كۆز قارىشى گەرچە ھەقىقەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ھەممە تەرىپىنى يورۇتالمىغان. ئوتتو ئالبېرت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان كۆز قاراشتىكى ئالىملار بىر تەرەپتىن «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مەنبەلىرىنى يېتەرلىك چۈشەنمىگەن ۋە باھالىمىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى توغرادىن - توغرا قۇلدارلىق دەۋرى مۇتەپەككۇرى ئارىستوتېلغا باغلاپ، ئارىستوتېل تەلىماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام شەرقى شارائىتىدىكى تارىخىي تەقدىرى ۋە ئاساسلىق ئىجادىي نامايەندىسىنى كۆرەلمىگەن. نەتىجىدە ئۇ تىبابەتچىلىك زۆرۈرىيەتلىرى تۈپەيلىدىن شەرققە ۋە غەربتە بىر قەدەر ئەركىن مۇھاكىمە ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولمىغان ئىبنى سىنانى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاساسلىق پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر پېشۋاسى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.

شۇ نەرسىنى شادلىق ۋە ئىپتىخار بىلەن قەيت قىلىمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىلگىرى سۈرگەن پەلسەپىۋى قاراشلىرى ۋە ئىجتىمائىي - سىياسىي تەشەببۇسلىرىنىڭ ئاساسلىق كلاسسىك قاتلىمى يەنىلا ئۆزىنىڭ نەسەبدىشى، ۋەتەندىشى فارابىنىڭ «ئۆلگىلىك دۆلەت» تەلىماتى

126-بەت

بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز پېشۋاسى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار ئىلغار كۆز قاراشلارغا قاراخانلار دەۋرىدىكى، بولۇپمۇ تىنچ راۋاجلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان ئەبۇ ئەل ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلانخان دەۋرىدىكى كونكرېت تارىخى مۇھىتتا جانلىق ۋە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتنى ۋە دۆلەت باشلىقىنى بىلىم ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەت ۋە ئىجتىمائىي بەخت - سائادەت روھىدا يېتەكلەشنىڭ ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئابستراكت تەسەۋۋۇرلاردىن ھالقىغان ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى ئۆزگىچىلىكى ۋە قىممىتىمۇ دەل ئەنە شۇ يەردە! ۋەھالەنكى، چەت ئەللەردە سەركەردان بولۇپ يۈرگەن فارابى غايىۋى ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇرلاردىن تاشقىرى مۇنداق بىۋاسىتە ئەمەلىي ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانىدى.

فارابى بىلەن ئارستوتېلنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا شۇ نەرسىنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، فارابىنىڭ ناتۇرال پان ئىلاھچىل پەلسەپىۋى سىستېمىسى ئارستوتېل كۆز قاراشلىرىنى پەقەت ئۆزىگە مۇھىم بىر ئىدىيىۋى مەنبە قىلغان، خالاس. مەنبە بىلەن سىستېمىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، فارابى پەلسەپىسى بىلەن ئارستوتېل تەلىماتلىرى ئارىسىغا ئوخشاشلىق بەلگىسى قويۇش، «ئوتتۇرا ئەسىر ئارستوتېلى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە ئارستوتېلنى زورمۇ زور يۆتكەپ كېلىش، ئارستوتېل پەلسەپىسى بىلەن كۆپ خىل، ھەتتا بىر - بىرىگە زىت پەلسەپىۋى ئېقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گرېك پەلسەپىسى ئارىسىغا، ھەتتا توپ نېگىزىدىن بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان پلاتون پەلسەپىسى ئارىسىغا تەڭداشلىق بەلگىسى قويۇش، فارابى پەلسەپىۋى سىستېمىسىنىڭ ئارستوتېل تەلىماتلىرىدىن يەنە باشقا ئىدىيىۋى مەنبەلىرى، تارىخى ئۆزگىچىلىكلىرى،

127-بەت

پەلسەپىۋى خاراكتېرى ۋە تەركىبى قىسىملىرىنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇپ، قارىقويۇق، تومتوق ۋە تولىمۇ خاتا ھالدا گرېك پەلسەپىسىنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇلارنى ئىدېئولوگىيىلىك ھادىسە سۈپىتىدە زىكرى قىلىش ۋەھاكازالار ئىلمىي پەلسەپە تارىخى ئۈچۈن تولىمۇ غەلىتىلىكتۇر. روشەنكى، فارابىنى گرېك پەلسەپىسىنىڭ بىر نامايەندىسى ھېسابلاپ، ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدىن چەتلىشتۈرۈش خاھىشى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ۋە ئاساسسىز.

فارابى بىلەن ئىبنى سىنانىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىمكى، فارابى تەرىپىدىن ئاساس سېلىنغان ناتۇرال پانتېئىزمىلىق پەلسەپىۋى سىستېما ۋە پەلسەپىۋى يۆنىلىشنىڭ مەشھۇر ۋارىسلىرىدىن بىرى ئىدى. فارابى پەلسەپىۋى تەلىماتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن ئىبنى سىنا ئۆز تەلىماتلىرىدا خۇددى ئۆزبېك پەلەسۇپى ئاكادېمىك — دوكتور مۇزەپپەر مۇھەممەددىن خەيرۇللايوف كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك: «فارابى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بىر قەدەر ھەل قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنى باستى» ① . «ئىبنى سىنا كىتابلىرىدا بىرەر تەلىماتمۇ فارابىغا ئاساسلانماي مەيدانغا كەلمىگەن» ② .

بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇلۇغ ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇرى ئىبنى سىنا تەلىماتلىرىنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى چەتكە قاقمايمىز. ئەمما بىر پۈتۈن تەلىمات

① م. م. خەيرۇللايوف: «فارابى دەۋرى ۋە تەلىماتى»، 1975 - يىل رۇسچە نەشرى، 334 - بەت.

② ت. ج. بوئېر: «ئىسلام پەلسەپىسى تارىخى»، 1958 - يىل خەينزۇچە نەشرى، 96 - بەت.

128-بەت

سىستېمىسى نۇقتىسىدىن بۇ يەنىلا فارابى ئىدېئولوگىيىسىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىشى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي - سىياسىي مەسىلىلەر بويىچە، بولۇپمۇ «قۇتادغۇبىلىك»تە مەركىزىي ئورۇندا تۇرغان «ئۆلگىلىك دۆلەت» مەسىلىسى بويىچە ئىبىن سىنانىڭ بىررەر ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئەخلاق توغرىسىدىكى «رىسالەتۈت تەئىر» ناملىق ئەسىرى «ئۆلگىلىك دۆلەت» مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتمىغان. مۇندىن باشقا، گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1037 - يىلى ئىبىن سىنا ھەمەدان شەھىرىدە ۋاپات بولغاندىن 32 يىل كېيىن «قۇتادغۇبىلىك»نى يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىبىن سىنانىڭ بىۋاسىتە سۆھبىتىگە نائىل بولۇشىغا تارىخ ھېچقانداق ۋاقىت ۋە شارائىت قالدۇرمىغانىدى. ئىبىن سىنا يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا كېلىشتىن 20 يىل ئىلگىرى بۇخارادىن چىقىپ كەتكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئىبىن سىنا ئىلمىي جەھەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇھىم بىر پېشۋاسى ھېسابلىنىشقا لاياقەتلىكتۇر.

بۇ ھەقتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى «قۇتادغۇبىلىك»شۇناسى قەييۇم كەرىموف ئۆزى ئىشلىگەن «قۇتادغۇبىلىك»كە يازغان مۇقەددىمىلىك ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسەتكەن: «يۈسۈپنىڭ دۇنيا قارىشىدا، پەلسەپىسىدە فارابى ۋە ئىبىن سىنالار دۇنيا قارىشى، پەلسەپىلىرىنىڭ تەسىرى كۆزگە روشەن تاشلىنىپ تۇرىدۇ. دۇنيانى تونۇش ۋە تونۇشتۇرۇشتا يۈسۈپ ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگىشىدۇ. ماددىي دۇنيانىڭ يارىلىشىنى روھى كۈچكە باغلىغان ھالدا، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق دۇنيا قارىشى پۈتۈن ئەسەر داۋامىدا كۆزگە تاشلىنىدۇ»①. بۇ ھەقتە پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتورى،

① قەييۇم كەرىموف: «قۇتادغۇبىلىك»، كە سۆز بېشى، تاشكەنت، 1972 - يىل، ئۆزبېكچە نەشرى، 31 - بەت.

129-بەت

پروفېسسور ئەزىز نارىنبايوف مۇنداق يازىدۇ: «يۈسۈپ خاس ھاجىپتا ئۇنىڭ ئۆتمۈشداشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئەبۇ نەسىر فارابى ۋە ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنالارنىڭ تەسىرى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارچە، تەڭرى بىلەن مەۋجۇدات بىر - بىرىگە زىت، بىر - بىرىنى ئىنكار قىلغۇچى نەرسىلەر ئەمەس. ئەبەدىيلىك تەڭرىگىمۇ، ماددىغىمۇ خاس. لېكىن تەڭرى بىلەن ماددىي ئالەم مەلۇم ھالقىلار ئارقىلىق بىر - بىرىگە باغلىنىدۇ. بىر پۈتۈن ئۇزۇن زەنجىرنىڭ ئۇ بېشىدا ياراتقۇچى تەڭرى — زۆرۈرى مەۋجۇت تۇرسا، ئۇنىڭ ئىككىنچى بېشىدا تەبىئەت تۇرىدۇ. تەبىئەت تەڭرىنىڭ تەسىرىدىن شۇنچە يىراقتىكى، ئۇ ئۆز قانۇنلىرى ئاساسىدا راۋاجلىنىدۇ.» ①

6. «قۇتادغۇبىلىك» — ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تولۇقلىق قامۇسى

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى بىلەن ئىدىيىۋى مەنبەلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بۇ بېباھا ئەقىل — ھېكمەت خەزىنىسىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزى ئاسىيا، پۈتكۈل شەرق ۋە يىپەك يولى مەدەنىيەت تارىخى جۇغلانمىسى ۋە راۋان ئېقىمى ئۈستىگە قويۇپ، ھەم مىللىي، ھەم ئىنسانىيەت خاراكتېرلىك تەپەككۇر مەدەنىيىتى ھادىسىسى سۈپىتىدە چۈشىنىشنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئېيتىش لازىمكى، مۇتەپەككۇر — شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىدارلىق تارىخىي شەخسلەر، پەقەت تارىخنىڭ مول مەنبە

① «چەت ئەل ئالىملىرى (قۇتادغۇبىلىك) ھەققىدە» ، 287 — بەت .

130-بەت

جەمغۇرۇلغان ئالتۇن دەۋرگە يۈزلەنگەن چېغىدا، زورۇرىيەت - تەقەززا، ئىمكانىيەت ۋە ئىلھام بېغىشلىغان شارائىت ئاستىدىلا مەيدانغا چىقىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، تارىخ - ئۆز ئەزىمەتلىرىنى ياساپ چىقىدىغان ماھىر ھەيكەلتراشتۇر. مۇنداق تارىخ ئەزىمەتلىرى ئۆز پائالىيەتلىرى بىلەن تارىخىي تەرەققىياتقا يېڭى تۈس، يېڭى پىكىر چېچەكلىرى، يېڭى ئۈمىد ۋە كۈچ بېغىشلايدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا — تارىخ ئەزىمەتلىرى تارىخنى بېزەندۈرىدىغان رەسسامدۇر.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى ۋە ئىدىيىۋى مەنبەلىرى ھەم كۆپ تەرەپلىمىلىك، ھەم كونكرېت بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى، مايىللىقى، خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئەينى زامانغا خاس تارىخىي چىنلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. بۇ مەدەنىيەت قاتلاملىرى ۋە ئىدىيىۋى مەنبەلەر ئىچىدە نېمىنىڭ ئاساس — ئۆل، نېمىنىڭ گەۋدە — سۇبيېكت، نېمىنىڭ تەسىر — ئوزۇق، نېمىنىڭ ئالاقىسىز ياكى ئەھمىيەتسىزلىكىنى پەرقلەندۈرۈش بەك زۆرۈر. بۇنىڭدا يەنىلا «قۇتادغۇبىلىك» كە ئاساسلىنىش لازىم.

شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق ھاجەتكى، مەيلى ئەنئەنىۋى ۋە مەيلى سىنكرېتلىك مەدەنىيەت قاتلاملىرى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئىدىيىۋى مەنبەلەرنىڭ ئۆزى، تېخى بىرەر مۇتەپەككۇرنىڭ دۇنيا قاراش سىستېمىسى ئەمەس، تېخى ئۇ سۇبيېكتىپلىق ئەمەس. بۇ خۇددى گېگېل [51] پەلسەپىسى ماركسىزم پەلسەپىۋى سىستېمىسىنىڭ بىر مەنبەسى بولسىمۇ، ماركسىزم گېگېل پەلسەپىسى بولمىغىنىغا ئوخشاش، باشقا — باشقا ئىككى چۈشەنچە. بىر خىل تارىخىي مەدەنىيەت قاتلىمى مۇشۇ خىلدىكى پىكىر سىستېمىسىنى مەيدانغا چىقىرىش

131-بەت

بىلەن بىللە، باشقا - باشقا خىلدىكى، ھەتتا بىر - بىرىگە زىت بولغان پىكىر سىستېمىسىنى مەيدانغا چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

بۇ بىرىنچىدىن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوخشاشمىغان كاتېگورىيە ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقىسىنىڭ جەۋھەرلەنگەن مەدەنىيەت بايلىقى، تارىختىكى مەدەنىيەت سەمەرىسى، جانلىق پائالىيەتچانلىقتىن ئايرىلغان ئۆتمۈشنىڭ «ئەسلىمىسى» ئىكەنلىكىنى، كېيىنكىسى بولسا، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىزچىل خاسلىق قانۇنىيەتلىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى، جانلىق - پائالىيەتچانلىقنى ۋە ئۇسلۇبچانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، سىرتتىن تەسىر قىلغان مەدەنىيەت، پەقەت ئىچكى مەدەنىيەت ئامىللىرى ئارقىلىق، مىللىي مەدەنىيەتكە بويسۇنۇش ۋە ھەزىم بولۇش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، مۇنداق قوبۇل قىلىنغان سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەت مىللىي مەدەنىيەتنى بېيىتىدىغانلىقىنى، ئۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت چۆكمىسىدىمۇ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئىقىمىدىمۇ يەنىلا مىللىي مەدەنىيەت سۈپىتىدە ساقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، قەدىمكى مەدەنىيەت قاتلىمى ئومۇمەن يېڭى مەدەنىيەت مۇمكىنلىكى ئىكەنلىكىنى، مۇنداق مۇمكىنلىكتە «قۇتادغۇبىلىك»، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ياكى چەت ئەللەرنى مىسال قىلساق، تولوستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، شولوخوفنىڭ «تىنچ دون» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنىلا كۆرسىتىدۇ. مۇنداق مۇمكىنلىكنىڭ رېئاللىققا ئايلانماسلىقىمۇ مۇمكىن. باشقىچە مەزمۇن ۋە شەكىلدە يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن.

بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ:

132-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن، ئومۇمىي قىممەتكە ئىگە بولغان مەدەنىيەت قاتلىمى، ئەدەبىي جۇغلانمىلىرى بولۇشتىن تاشقىرى يەنە، ھەتتا مۇھىمى، بىۋاسىتە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولغان ئىككى شەرت لازىم. ئۇلار ئەينى زامان قەشقەر شەھىرىنى تىپىك سەھنە قىلغان قاراخانلار دۆلەت ئاپپاراتى ۋە ئۇيغۇر — ماۋەراۇننەھر ئوتتۇرا ئاسىيا فېئودال جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى رېئال مەسىلىلەر بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شەخسىي مەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرى، تەپەككۇر كۆرەشلىرى ۋە پىكىر قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت.

رېئال ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئۇنىڭ تەقەززالىرى بىلەن مۇتەپەككۇرنىڭ ئەمەلىيەت ۋە بىلىش پائالىيىتى مۇستەسنا قىلىنىدىغان بولسا، ھەرقانداق مەنىۋى مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ھەرقانداق بىلىم خەزىنىسى، ھەرقانداق ئەدەبىي مەنبەلەر ئۆز - ئۆزىدىنلا يېڭى ئەدەبىي كۆز قاراشنى ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئىلمىي نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلەيدۇ، دېگەن تېتىقسىز مۇھاكىمە كېلىپ چىقىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانى قاراخانلار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدا يۈز بەرگەن فېئوداللىق ئىجتىمائىي گۈللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلدارلاردا ئۆسۈپ بېرىۋاتقان مال — مۈلۈك ھېرىسلىقى، راھەت — ھالاوەتكە بېرىلىش، ھەسەت ۋە ئاچكۆزلۈك، نادانلىق ۋە شەپقەتسىزلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى تاشلاپ، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلان خاننىڭ تەرەققىيپەرۋەر دەۋرىدە دۆلەتنى بىر قەدەر توغرا يولغا سېلىش مەقسىتىدە يېزىلغانلىقىنى بۇ داستاندىن كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس. مۇتەپەككۇرنىڭ بەخت — سائادەتنىڭ نىسپىي، ۋاقىتلىق، ئۆلۈمنىڭ مۇتلەق، مەڭگۈلۈكى

133-بەت

تۇغرىسىدىكى بايانلىرى بىلەن ھەر «ئىككى دۇنيا»نى نەزەردە تۇتۇش، بولۇپمۇ خەلق ئارىسىدا قالىدىغان شۆھرەتلىك ياخشى نامنى نەزەردە تۇتۇش ھەققىدىكى تەۋسىيىلىرىمۇ مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن تارىخىي مەھەكى، ئىجتىمائىي مەھەكى، ھاكىمىيەت ۋە ھوقۇقچىلىق ئىشلىرى مەھەكىسى، خەلقئارا ئالاقىلەر مەھەكىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىپادىلەش ئىقتىدارى مەھەكىسى، زەنجىرسىمان شەھەر مەدەنىيىتى مەھەكىسىنى تەقدىم قىلغان، مۇئەللىپنىڭ ئەقىل - زېھنىي ئىقتىدارى، بىلىم - مەئرىپەت تۈزۈلمىسىنى، تەپەككۇر ئۆز خاسلىقىنى، ئىجادىي ئىستېداتىنى گەۋدە قىلغان بەھەيۋەت بىنادۇر. ئۇنىڭ يىلتىزلىرى ۋە گۈل - ياپراقلىرىدىن گۈپۈلدەپ تۇرغان خۇشبۇيى ھېچقاچان سولمايدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ھالقىغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ بەھەيۋەت بىنا يەنىلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە روھىيەت تارىخىدا ئەبەدىي قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.

7. قىسقىچە يەكۈن

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مىللىتى، يۇرتى، تىلى، ئەسەر ژانىرىدىكى ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار ئۈستىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەرنى تۈزىتىش قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا، «قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسىدىكى جاۋاھىراتلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيىلىك تارىخىي قاتلاملىرى توغرىسىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەرنى تۈگىتىشمۇ شۇنداق ئەھمىيەتكە ئىگە.

«قۇتادغۇبىلىك» مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەدەنىيەت

134-بەت

ھادىسىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە خاس ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي، يىراق ۋە يېقىن، بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك، ئەنئەنىۋى ۋە سىنكرېتلىق مەدەنىيەت يىلتىزى، مەدەنىيەت مەنبەلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەنبەلىرىنى ئىنكار قىلىش ناتوغرا بولغىنىدەك، ئۇ مەنبەلەر ئۈستىدە ئاساسسىز، ماهىيەتسىز، تەھلىلسىز، ئۇنداق ياكى مۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولۇشمۇ توغرا ئەمەس.

«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى ھەم بۇ داستانغا ئاساسلىنىشى، ھەم بۇ داستاندىن ھالقىغان ھالدا ئەڭ يېقىن ئالاقىدار مەنبەلەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئەنئەنىۋى مەنبەسى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» تىكى پۈتكۈل كىشىلىك مەدەنىيەت تارىخىغا ئورتاق قاراشلارغا ئائىت مەنبەلەر پەرقلەندۈرۈلۈشى، كۆپ ئېقىملىق، پاراللىلىزم قاراشلىرى ئېتىبارغا ئېلىنىشى، زورمۇ زور بىر مەنبەدىن تەسىرلەنگەن قىلىپ قويۇلماسلىقى كېرەك.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھەر خىل مەنبەلىرى بىلەن ئاساسلىق مەنبەلىرى، بۇ خىل ئەنئەنىۋى مەنبەلەر بىلەن «تۇرمۇش» مەنبەلىرى، مەنبەلەر بىلەن مۇئەللىپنىڭ ئىدىيىلىرى، ھەر خىل ئەقىدىۋى قاراشلار بىلەن توپ ئەقىدىسى پەرقلەندۈرۈلۈپ، توغرا ھەل قىلىنىشى لازىم.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەنبەلىرى تەتقىقاتى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ ئىككى تۈرلۈك ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە:

ئۇنىڭ بىرى، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. روشەنكى، چوڭقۇرلاشقان

135-بەت

تەتقىقات تەرەپلىك تەتقىقات بولالمايدۇ، تەرەپلىك بولمىغان تەتقىقاتتا ھەقىقەت ئۆز نىگارىنى تولۇق جىلۋىلەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس. ماركىس توغرا ئېيتىدۇ: ھەقىقەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۇسۇللىرىمۇ ھەقىقەتلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى لازىم.

ئىزاھلار:

[1] «قاراخانىيلار» (840 — 1212) — ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بالاساغۇن — قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغان يەنە بىر ئۇيغۇر خاقانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر ياغما قاغانلىرى ۋە ھەربىي گۋاردىيىسى تەشكىللىگۈچى رول ئوينىغان، خاندانلىق ئازغىنا (18 يىل) كەم تۆت ئەسىرلىك سەلتەنەت دەۋرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاملىق قايتا كۆپىيىپ شەكىللىنىشى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ روناق تېپىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

«قاراخانىيلار» ئەينى زاماندا ئۆزلىرىنى «خاقانىيە» دەپ ئاتىغان ۋە قەدىمكى ئەفراسىياپ ھاكىمىيىتى ۋارىسلىرى ھېسابلاپ كەلگەن؛ خان نەسەب ۋە سەلتەنەت ناملىرىدىمۇ «قاراخان»، «بۇغرا قاراخان» دېگەندەك نام ۋە ئۈنۋانلار بولغان. روسىيە ئالىمى ۋ. ۋ. گرىگورىيېف (1816 — 1881) شو ئاساستا تۇنجى قېتىم «تارىخى مۇنەججىمباشى» (سانكت — پېتىربۇرگ، 1874 — يىل نەشرى، 6 — بەت) ناملىق ئەسىرىدە ماۋەرائۇننەھرنى سامانىلاردىن تارتىۋالغان خانلىقنى «قاراخانىيلار» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ نام ئومۇملاشقان.

[2] پانتېئىزم (پان ئىللاھچىلىق) — دۇنيانى پەلسەپىلىك بىلىش تارىخىدىكى بىر خىل بىلىش شەكلى بولۇپ، تەبىئەت

136-بەت

بىلەن تەڭرىنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئىزاھلاش ئۈستىگە قورۇلغان. پانتېئىزم تەبىئەتنى تەڭرىگە سىڭدۈرۈۋېتىدىغان روھانىيەتچىل پانتېئىزم ۋە تەڭرىنى تەبىئەتكە سىڭدۈرۈۋېتىدىغان ناتۇرال پانتېئىزمغا بۆلۈنىدۇ.

[3] راتسىئونالىزم (ئەقىلچىلىك) — ئىككى مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىلىش مېتودىسى (تار) مەنىدە ئەقلىي بىلىش بىلەن ھېسسىي بىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئەقلىي بىلىشنىڭ رولىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىدىغان نوقۇل ئەقىلچىلىكنى كۆرسىتىدۇ. بىلىش تارىخى (كەڭ) مەنىدە دىنىي ئىسلاھاتچىلىققا ۋە ئەقىدەچىلىككە، نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى ئەقىل ۋە بىلىمنى ئۇلۇغلاش، ئىلىم ۋە مەدەنىيەتپەرۋەرلىكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىتابتا كەڭ مەنىدە قوللىنىلغان.

[4] «فائۇست» — ئاتاقلىق نېمىس شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى گيوتې (1749 — 1832) تەرىپىدىن XVI ئەسىردىكى خەلق رىۋايىتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن پەلسەپىۋى داستان. ئۇ ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى پىكرى ۋە بەدىئىي تەسىرى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىن كېيىنكى غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ نادانلىققا قارشى، ئىلىم ۋە يېڭى ھايات يولىدىكى ئۈچ ئەسىرلىك مەنىۋى ھايات تارىخىنى يىغىنچاقلاپ ئەكس ئەتتۈرگەن.

[5] ئابدۇشۈكۈر بەلخى ئوتتۇرا ئاسىيا تاجىك مەدەنىيىتىدە ئابدۇللا روداكى (860 — 941) دىن كېيىن، ئەبۇ مەنسۇر دەقىقى (930 — 977)، ئابۇلقاسىم فىردەۋسىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇھىم نامايەندە. ئابدۇشۈكۈر بەلخى بەلخ شەھىرىدە 915 — يىلى دۇنياغا كېلىپ، X ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىغان. ئۇنىڭ «ئاپەرىننامە» ناملىق ھېكمەت داستانى پارس — تاجىك ئەدەبىياتىدا داستانچىلىق مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.

137-بەت

[6] ئەبۇ نەسر مۇھەممەد فارابى (870 — 950) قاراخانىلارغا مەنسۇپ توققۇز ئوغۇز — توققۇز ئۇيغۇر (ئۇيغۇر — قارلۇق) ھەربىي چېۋەنداز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئوغۇلچاق قىدىرخاننىڭ ياغما قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان. فارابى 30 ياشتىن ھالقىغاندا يىپەك يولىنى بويلاپ باغداد — دەمەشق — ھەلەب شەھەرلىرىدە پەلسەپە تەھسىل قىلغان ۋە ئىسلام شەرقىدە ئارستوتېلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز»، «شەرق ئارستوتېلى» دەپ نام قازانغان. فارابى ياراتقان ناتورال پانتېئىزمىلق پەلسەپە سىستېمىسى پۈتكۈل بىلىش تارىخىنىڭ مۇھىم باسقۇچىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپە بولۇپ قوشۇلغان.

[7] بەزى ئاپتورلار قاراخانىلارنى ئارسلانخانلىق، بۇغراخانلىق، تابغاچ بۇغراخانلىق ۋە ئىلك خانلىقتىن ئىبارەت تۆت خىل دەرىجىگە ئاجرىتىپ ئىزاھلىغان. مېنىڭچە، قاراخانىلار ماۋەرائۈننەھرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنلا خېلىلا كېيىن ئىككى ئاساسىي دەرىجىگە بۆلۈنگەن. بۇنىڭ بىر خىلى ئارسلانخان ياكى ئۇلۇغ بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتالغان ئومۇمىي سۇلتانلىق سەلتەنتى، بۇ بىر دەرىجىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى. يەنە بىر خىلى ئۇنىڭغا تەۋە بولغان ۋە تولۇراق ماۋەرائۈننەھرنى باشقۇرىدىغان تابغاچ خانلىق ياكى تابغاچ بۇغرا خانلىق سەلتەنتى. بۇنىڭدىن باشقا ئاتالمىش ئىلك خانلىق بۇ مەلۇم رايون كىنەزلىكى بولۇپ، ۋالىيلىققا تەڭ بولغانىدى.

[8] بۇنىڭغا ئىبراھىم ئىبنى ناسىر تابغاچ قاراخان (1052 — 1068) نىڭ مۇتەئەسسىپ شەيخ ئىمام ئابدۇلقاسىم سەمەرقەندىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلەن، ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى خىزىرخان (1080 — 1081) نىڭ دىنىي ئارىلىشىشقا قارشى قوللانغان جىددىي ۋاستىلىرىنى مىسال

138-بەت

قىلىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئوغلى ئەھمەدخان (1081 — 1095) دادىسىنىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا شەيخلەر تېررورلۇقى بىلەن قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن.

[9] ئۆمەر ھەييام — نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھەردە تەلىم ئالغان، سالجۇق تۈركلىرىنىڭ سۇلتانى مەلىك شاھ (1072 — 1092) نىڭ تونۇلغان ۋەزىرى نىزامۇل مۆلۈك ھىمايىسىدە ئىشلىگەن ئاتاقلىق ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە مۆتەبەر شائىر. ئۇنىڭ نامى رۇبائىيلىرى بىلەنمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر.

[10] مۇھەممەد ئىبنى مۇسا خارەزمى (؟ — 847) ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىدىن چىققان ئاتاقلىق تەبىئەتشۇناس، ئالگېبرا ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى دەسلەپكى دەۋرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىلى.

[11] ئەبۇ ئابباس ئەھمەد ئەل فەرغانى IX ئەسىردە ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆرۈنەرلىك تەبىئەتشۇناس. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تالانتلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى.

[12] ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (980 — 1037) فارابتىن كېيىنكى ئاتاقلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مۆتەپەككۇرى، ئالەمشۇمۇل تىبابەتچىلىك ئىلمى شۆھرەت ئىگىسى، ئۇ سامانلار ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقلىرى دەۋرىدە ياشىغان ۋە ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن ناتورال پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى بىلىش ۋە ئىلمىي تىبابەتچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۆپ تەرەپلىمە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.

[13] ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد بىرۇنى (973 — 1048) ئوتتۇرا ئاسىيالىق مەشھۇر ئالىم، مەشھۇر تەبىئەتشۇناس ۋە تارىخشۇناس. ئۇ ئىبنى سىنا بىلەن ئىلمىي

139-بەت

سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ۋە مەھمۇد غەزنەۋى (988 — 1030) ئوردىسىدا تارىخ، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مىنېرالوگىيە ۋە ئەدەبىيات پەنلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

[14] ئوبۇلقاسىم (تەخەللۇسى جارۇللا) زەمەھشەرى (1074 — 1144) خارەزملىك شائىر ۋە تىلشۇناس.

[15] قاراخانىيلارنىڭ 7 — ئەۋلاد خاقانى سۇلايمان بىننى يۈسۈپ ئارسلانخان بىلەن ئىبراھىم بىننى ناسىر تابغاچ خاندىن باشلاپ خانلىق شەرقىي ۋە غەربىي ئۆلكىلەرگە ئايرىلغاندىن كېيىن قەشقەرنى مەركەز قىلغان شەرقىي قاراخانىيلار ئۆلكىسى «خاقانىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتالغانىدى.

[16] ھېلوېتئۇس (1715 — 1771) XVIII ئەسىر فرانسۇز ماتېرىيالىستى، فرانسۇز بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىدىيە پېشۋالىرىدىن بىرى.

[17] ئەبۇھەسن ئەشئەرى (874 — 935) ئىسلام كالامىزم ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى، كۆرۈنەرلىك ۋە تەسىرلىك مۇتەكەللىمچى مۇتەپەككۇر، ئىمام مۇھەممەد غەززالى (1058 — 1111) ئۇنىڭ قاراشلىرىنى قوبۇللاشتۇرۇپ، سۈننىي مەزھىپى ئىسلام مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نوپۇزىنى تىكلىگەن.

[18] تەڭرى مەركەزلىك ۋە ئىنسان مەركەزلىك نەزەرىيىلىرى تەبىئەت، جەمئىيەت، بىلىش ھادىسىلىرىنى تەڭرىگە ياكى ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئاساسلىنىپ ئىزاھلايدىغان بىر — بىرىگە زىت يۆنىلىشتىكى ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەر ۋە نەزەرىيىدىن ئىبارەت.

[19] تۇران شاھىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن سالاھىددىن ئايۇپ مىسىردا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەنئىدى. ئۇ تۈركلەردىن تەشكىل تاپقان مەملۇك قوشۇنىنى تەشكىللىدى. مەملۇكلاردىن

140-بەت

ئايبەگ مىسىردا بەھرى مەمۇلۇك خانلىقى (1250 — 1382) غا ئاساس ياراتتى. بۇ خانلىقنىڭ 6 _ خانى ئەشرەپ شاھ (1290 — 1293) نىڭ ئىنىسى ناسىر بىننى قاراۋۇن (1293 — 1340) مىسىردا خېلى بىر مەزگىل سۇلتانلىق قىلغان ۋە چىڭگىزخان ئەۋلادى ئولخان، قازانخان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. ناسىر تۈركىيە سۇلتانى ئوسمان I (1290 — 1326) بىلەن زامانداش ئىدى. بەھرى مەمۇلۇك خانلىقى ئەھمەد ئىبىن تۇلۇن قۇرغان تۇلۇن خانلىقى (868 — 905) ۋە مۇھەممەد ئىبنى تۇجى قۇرغان ئىخشىد خانلىقى (935 — 969) دىن كېيىن مىسىردا مەيدانغا چىققان 3 _ تۈركىي ھۆكۈمران رىياسەتچىلىك قىلغان سەلتىنەت بولۇپ، ئۇ ھالاك بولغاندىن كېيىن مىسىردا ناسىرنىڭ ئەۋرىسى سالى ئىبنى شەيبان باشچىلىقىدىكى بۈرجى مەمۇلۇك خانلىقى (1382 — 1517) مەيدانغا چىقتى. مىسىر مەمۇلۇك خانلىقلىرى ئىلىم _ پەن ھامىيلىرى ئىدى. ناسىر 1304 _ يىلى ناسىر تەتقىقات يۇرتى قۇرغان. ئەھمەد نۇۋىل ۋە ئەھمەد كاركاساندى قاتارلىق ئالىملار قامۇس تۈزگەن. ئاتاقلىق ئالىم ۋە ناتىق، قانۇنشۇناس ئىبنى تەيمىيە (1263 — 1326)، ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئىبنى خەلىلكان (1211 — 1282) قاتارلىقلار شۇ دەۋردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

[20] بەزى تەتقىقاتچىلار «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نەمەنگان نۇسخىسىنى رۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى قەدىمكى كىتابلارنى يىغۇۋالغاندا ئاقسۇدىن ئېلىپ كەتكەن، دېگەن قىياسى پىكىرنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزىلىرى پۈتۈن پەرغانە — يەتتە سۇ ۋادىسى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى زېمىنى بولۇپ، بۇ زېمىن كېيىنچە بۇ خانلىق ھالاك بولغاندىن كېيىن قوقان خانلىقى زېمىنى بولغان، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نەمەنگان نۇسخىسى قوقان — قەشقەر سودىگەرلىرى ياكى بىر قانچە

141-بەت

قېتملىق غوجىلار قوزغىلىشلىرى چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا فەرغانە ۋادىسىغا يۆتكەلگەن قەشقەر — ئاتۇش ئاھالىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن دېگەن پەرەزنى تىلغا ئالىدۇ. بىۋاستە ھادىسىۋى ئىسپات تېپىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ماھىيەتلىك، تارىخىي مۇمكىنلىككە ئۇيغۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نۇسخىنىڭ باش — ئاياغ بەتلىرىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكى بۇ قىياسنى كۈچەيتىدۇ.

[21] كوسمولوگىيە — كائىنات ھەققىدىكى نەزەرىيە، كەڭ مەنىدە ئالەم ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراش، تار مەنىدە ئالەم ھەققىدىكى ئاسترونومىيىلىك تۈزۈلمە نەزەرىيىسى.

[22] گۇمانىزم — ئىنسانپەرۋەرلىك پىكىر ئېقىمى.

[23] كۇماراجىۋا (344 — 413) مەشھۇر كۇسەن (كۇچا) بۇددا مۇتەپەككۇرى، ماھايانا مەزھىپىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىلى، «ئەدەھم» (سۇنىياتا، يوقلۇق) تەلىماتىنىڭ نامايەندىسى، جۇڭگو بۇددىزمى تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ يەتتە خەتلىك نەزم ۋە تەرجىمىشۇناسلىق ئاساسچىسى.

[24] ئاللىگورىيە — خىيالىي توقۇلمىلىق تەەسسۋۇر.

[25] ئابدۇلقاسىم نىزامۇل مۈلۈك (1017 — 1092) سالجۇقىلار سۇلتانى جالالىددىن مالىك شاھنىڭ ۋەزىرى، ئۆز دەۋرىنىڭ كۆرۈنگەن مۇتەپەككۇرى، پەن ھامىيسى، «سىياسەتنامە» نىڭ مۇئەللىپى.

[26] كەيكائۇس (1022 — ؟) كاسپىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىي ساھىلىدىكى گىلان قەبىلىسىنىڭ شاھى بولۇپ، 1083 — يىلى ئوغلى گىلان شاھنى ئۆزى تەربىيەلەش مەقسىتىدە «قابۇسنامە» نى يازغاندا، كىتاب نامىنى چۆڭ نەسەب بوۋىسى شەمسۇلمائالى قابۇس ئىبنى ۋوشماگىر (979 — 1012) نامىغا قويغان. ئىبنى سىنا 1011 — 1014 — يىللىرى، بىرۇنى 995 — 1017 —

142-بەت

يىللىرى شەمسۇلمائالى قابۇس ئىبىن بوشماگىر، ئوغلى ۋە ۋارىسى غەلە كۈل مائالى مانۇچىھىر (1012 – 1029) دەۋرىدە جۇرجاندا ياشىغانىدى .

[27] ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى (940 — 1020) جاھان سەنئەت تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار ئەدەب، 120 مىڭ مىسرالىق «شاھنامە» داستانىنىڭ مۇئەللىپى . بۇ داستاننى 1010 – يىلى مەھمۇد غەزنەۋىگە تۇتقان .

[28] كۇڭ زى (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 551 — 479 — يىللار) ئېلىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى مۇتەپەككۇرى، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى . ئۇ خۇسۇسىي مەكتەپ ئاچقان مائارپشۇناس . كۇڭ زى تەلىماتىنىڭ نېگىزى ئەخلاقىي سياسەت بولۇپ، ئۇ «مېھرىبانلىق» ۋە «ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەش» قارىشىغا ئاساسلانغان . كۇڭ زى تەلىماتى توپى ياقىتىن بىر تەرەپتىن تۇغما دانىشمەنلىك، ئاتا – بوۋىلارغا سېغىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەشنى مەزمۇن قىلىدۇ . كۇڭ زى ئىدىيىلىرى داۋاملىق راۋاجلىنىپ فېئوداللىق جۇڭگو روھىيىتىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلانغان . ئۇنىڭ «ئۆزۈڭنى تۇت، ئەدەپكە قايت، مېھرىبان ئىنسان بول»، «مەنپەئەتنى كۆرگەندە مەجبۇرىيەتنى ئەسلى» دېگەن قاراشلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ قەدىمكى ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن .

[29] ئارستوتېل (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 384 — 322) قەدىمكى گىرېك پەيلاسوپى، قەدىمكى زاماننىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ۋە ئېنسىكلوپېدىك ئالىمى، ئىلىم - پەن تارىخىنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى .

پىرىپاتېتىزم — سۆزمۇ سۆز مەنىسى سەيلى – ساياھەت بولۇپ، ئارستوتېل ئىلمىي گۇرۇھىغا قارىتىلغان . ئارستوتېل

143-بەت

ئۆز شاگىرتلىرىغا دەرس ئۆتكىنىدە سەيلى – ساياھەت قىلغاچ تەلىم بەرگەن. كېيىن بۇ ئىلمىي گۇرۇھنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى پېرىپاتىتىزم دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.

[30] ئانىمىزم – ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ئىپتىدائىي بىلىش شەكلى. ئانىمىزم ھەرخىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ كەينىدە ئۇنى باشقۇرىدىغان خاس ئىلاھلار، مۇئەككەللەر ۋە ئەرۋاھلار مەۋجۇت دەپ قاراشقا ئاساسلىنىدۇ.

[31] ئېتىكا – ئەخلاق ئىلمى. كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرى، بولۇپمۇ بۇ مۇناسىۋەتلەردە گەۋدىلىنىدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق كاتېگورىيىلىرى توغرىسىدىكى پەن.

[32] سىنكرېتىك مەدەنىيەت – مەلۇم مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆز مەنبەسى ۋە ئەنئەنىسى ئاساسىدا، باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ مۇناسىپ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە قارىتىلغان. سىنكرېتىك مەدەنىيەت قارىقويۇق، تەگداش ئارىلاشما دەپ چۈشىنىلمەسلىكى كېرەك.

[33] «مەدەنىيەت ئېۋاليۇتسىيىسى (تەدرىجى تەرەققىيات) نەزەرىيىسىنى تەيلور قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ نەزەرىيە مەدەنىيەت پەقەت ھەرقايسى مەھەللىلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئاساسىدا تەدرىجى راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ راۋاجلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

[34] «مەدەنىيەت دىففۇزىيونىزمى» ف. گرانبىر، گ. ئى. سىمىت قاتارلىقلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە بولۇپ، ئۇ دۇنيا مەدەنىيىتى بىر (مىسىر) ياكى بىر قانچە چەكلىك مەدەنىيەت مەركىزىدىن باشقا رايون…ۋە

144-بەت

مىللەتلەرگە «ديففېرېنسىيە» (تارقىلىش) ئاساسىدا شەكىللەنگەن، دېگەن بىر تەرەپلىملىك قاراشقا ئاساسلانغان.

مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى «مەدەنىيەت ديففېرېنسىيىسى» نەزەرىيىسىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ دەسلەپتە بارلىق مەدەنىيەت مىسىردا پەيدا بولۇپ، مىسوپوتامىيە، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ۋادىسى ئارقىلىق خۇاڭخې ۋادىسىغا تارقالغان دېگەننى، كېيىنچە، بارلىق مەدەنىيەت «غەربتە ئاپىرىدە بولغان»، «غەربتىن كەلگەن» دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇنىڭغا پاسسىپ تاقابىل يۈزىسىدىن يەنە بارلىق مەدەنىيەت «شەرقتە ئاپىرىدە بولغان»، «شەرقتىن كەلگەن» دېگەن قاراش شەكىللەندى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى رايونلار ۋە مىللەتلەر تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ناتوغرا قاراش.

[35] كوسموپولىتىزم — ۋەتەنسىزلىكنى تەرغىب قىلىدىغان سىياسىي تەشۋىقى تەشەببۇس. مىللىي نىگىلىزم (مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقى).

[36] ئانتروپولوگىزم — ئىنساننى بىئولوگىيىلىك سۇبستانسىيە (زات، جىسىم) سۈپىتىدە تەتقىق قىلىدىغان پەلسەپىۋى ئېقىم، فېيېرباخنىڭ ئىنسان تەبىئىتى قارىشى ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر. ئانتروپولوگىيە — ئىنسانشۇناسلىق.

[37] ئېتنولوگىيە — مىللەتسۇناسلىق، ئىنسان تۈركۈملىرى مەدەنىيەتسۇناسلىقى.

[38] زاروئاستىرا (ئاتەشپەرەسلىك) دىننى زاروئاستىر دېگەن كىشى رەسمىي سىستېمىغا سالغان بولۇپ، ئۇ (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 600 — 520) ئاخمانىلار خاندانلىقى

145-بەت

شەكىللىنىش ھارپىسىدا ياشىغان. ئاتەشپەرەسلىكنىڭ دىنى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ كۈرىشى ۋە يورۇقلۇقنىڭ غەلىبىسى ئاساسىدا ئالەم ۋە كىشىلىك ھادىسىلىرىنى ئىزاھلايدۇ.

[39] مانى دىنى II ئەسىردە ياشىغان مانى دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي باراۋەرلىك تەشەببۇسلىرى بىلەن ئاتەشپەرەسلىك دىنى ئەقىدىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.

[40] «دى رۇڭ گو» (狄戎国)، «جۇڭشەن گو» (中山国)، زەي (دى) ۋەي گو» (翟魏国) — دىڭلىڭ (دىلىمەن — دىغار) قەبىلىلىرى چۇڭچيۇ — جەنگو ۋە 16 بەگلىك زامانىدا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدا قۇرۇلغان پارچە خانلىقلار.

[41] قاراسۇق مەدەنىيىتى — مىنۇسىك پەس تۈزلەڭلىكى بىلەن شەرقىي ئالتاي ئارىسىدىكى دىڭلىڭ قەبىلىلىرى ئاتا — بوۋىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000 — يىللار بىلەن 1000 — يىللار ئارىسىدا ياراتقان بىرونزا (تۇچ) قوراللىرى يارىتىلغان كۆچمەنچى ئاھالىلەر مەدەنىيىتى. بۇ مەدەنىيەت قەبىرىلەردىكى چارۋا سۆڭەكلىرى، مىس قوراللار ۋە ھايۋان سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاشلاردا گەۋدىلەنگەن.

[42] ھېللىنىزملىق مەدەنىيەت — ئالېكساندىر ماكېدونىسكىنىڭ شەرققە يۈرۈشى بىلەن گىرېكلەشكەن دۆلەتلەر سېستىمىسى شەكىللەندى. گىرېك ئانتىك مەدەنىيىتى كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. ھېللىنىزم — گىرېك مەدەنىيىتىنى، شەرق ھېللىنىزمى — گىرېك — باكتىرىيە دەۋرى ئالدى — كەينىدىكى شەرقتىكى گىرېك مەدەنىيىتى تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.

146-بەت

[43] سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە سېلىشتۇرما مەدەنىيەتتە بەزى مەدەنىيەتلەر باشقا خەلقلەردىن تەسىرلىنىش ئاساسىدا يېڭىلا ئىجادىي يوسۇندا بارلىققا كېلىدۇ. بۇ «تەسىر تىپى» دېيىلىدۇ. يەنە بەزى مەدەنىيەتلەر ئۆز ئالدىغا بىر سىستېما ھاسىل قىلغان بولۇپ، تەسىر ھادىسىسى بولمىغاندىمۇ باشقا مىللەت ۋە رايونلاردا غايەت ئوخشاشلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ «پاراللېل تىپ» دېيىلىدۇ. بىرەر ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتنى مەشھۇر ئوخشاش قىممىتى تۈپەيلى «تەسىر تىپى» كە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، مەنىۋى قىممەت ئوخشاشلىقىدىن تاشقىرى تەسىر جەريانى توغرىسىدا روشەن پاكىت بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

[44] شىئىزم — ئىسلام دىنىدىكى سۈننىي مەزھەپتىن كېيىنكى بىر مەزھەپ — شىئە مەزھىپى ئابدۇل مالىك (685 — 705) خەلىپە دەۋرىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەرقانداق پاك مۇسۇلمان خەلىپە بولالايدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ مىسىر ۋە ئىراندا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، ھۆكۈمران ئەرەب خەلىپىلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان.

[45] ئىسمائىلىزم — شىئە مەزھىپىدىكى تەسىرى كۈچلۈكرەك بىر تارماق ئېقىم بولۇپ، VIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەكىللەنگەن. ئۇلار ئەلىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ 6 - نەۋرىسى ئىسمائىلنى 7 - ئىمام دەپ ئۇنىڭغا سېغىنىدۇ. ئىسمائىلىزم «يەتتە ئىمام مەزھىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

[46] X ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بەسرەدە شەكىللەنگەن ۋە تەسىرىنى باغدادقا كېڭەيتكەن مەخپىي ئىلمىي تەشكىلات. ئۇلار ئەينى زامان ئىلاھىيەتچىلىكى مۇھىتىدا مەخپىي يوسۇندا يېزىپ تارقاتقان 52 چوڭ رىسالىدىن تەشكىل تاپقان قامۇس ئوتتۇرا ئەسىر تەبىئەت ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ تەقەززاسىنى ئىپادىلىدى.

147-بەت

XVIII- ئەسىر ئېنسىكلوپېدىستلىرىغا تەققاس قىلىنىپ X ئەسىر ئېنسىكلوپېدىستلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىي رەھبىرى ئەل بەستى ئىدى.

[47] گرېك - باكتىرىيە مەدەنىيىتى — ئالېكساندېر ماكدونىسكىنىڭ شەرققە يۈرۈشى بىلەن قەدىمكى باكتىرىيىدە گرېك - باكتىرىيە مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى. گرېك - باكتىرىيە مەدەنىيىتى گرېك مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈردى.

[48] كوشان مەدەنىيىتى — گرېك باكتىرىيىسىگە بېسىپ كىرگەن ئۇلۇغ ياۋچىلار دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت. ئۇ بۇددا سەنئىتىدە ئالاھىدە ئۇسلۇب ياراتقانلىقى بىلەن مەشھۇر بولدى.

[49] مەرۋى ئىلمىي گۇرۇھى — مەرۋى خوراساننىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى. مەرۋىدىكى تەبىئەت پەلسەپىسى تەرەپدارلىرى قەدىمكى گرېك پەلسەپىسى، تەبىئەت ئىلمى ۋە تىبابەتچىلىك قاراشلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىم بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

[50] سپىنوزا (1632 — 1677) گوللاندىيىنىڭ مەشھۇر ناتورال ئېلاھچىلىق پەيلاسوپى. ئۇ تەڭرىنى ئىنكار قىلمىغان، بىراق تەڭرىنى تەبىئەتكە قوشۇپ تاشلىغان. سپىنوزا پەلسەپىلىك بىلىش تارىخىدا ناتورال ئېلاھچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى، XVIII ئەسىر ماتېرىيالىستلىرىنىڭ ھارپىسىدا تۇرىدۇ.

[51] گېگېل (1770 — 1831) نېمىس كلاسسىك

148-بەت

پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى، ئوبيېكتىپ ئىدېئالىست، دىئالېكتىك تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە زور ھەسسە قوشقان مەشھۇر مۇتەپەككۇر.

149-بەت

Ⅲ باب «قۇتادغۇبىلىك»تە تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرى

«ئاسمان ھەم زېمىندا بارلىق ھەربىرى، ئادەمنىڭ زېھنىدىن قالماس تاشقىرى.» — نىزامى گەنجىۋى

1. «قۇتادغۇبىلىك»تە تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى

ھەرقانداق بىر پۈتۈن پەلسەپىۋى تەلىماتلار سىستېمىسىدا تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى ئۆل ۋە يىلتىزلىق ئورۇن تۇتقان بولىدۇ. دۇنيا قاراشسىز كۆز قاراش ۋە تەلىمات گەۋدىسى، تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرىسىز پەلسەپىۋى سىستېما بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

فېيېرباخ «پەلسەپىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق پروگرامما» ناملىق ئەسىرىدە: «بىر خىل تەلىمات ئۆزىگە تەبىئەتتىن ئاساس تېپىشتىن ئىلگىرى، پەقەت بىر خىل پەرەزدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ»① دېگەن ئىدى.

① «فېيېرباخ پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، 1962 - يىل خەنزۇچە نەشرى، 1 توم، 118 - بەت.

150-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» ئۆز دەۋرى روھىي ھاياتىنىڭ يارقىن ئەينىكى سۈپىتىدە نوقۇل ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي ئەسەر بولماستىن، بەلكى بىر پۈتۈن پەلسەپىۋى دۇنيا قاراش دەستۇرىدۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەپەككۇرى سۈپىتىدە ئالەم ۋە تەڭرى، تۆت زات ۋە پىلانىتلار دۇنياسى، ماددىي دۇنيادىكى ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىش، ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەشتىكى ئىرادە ئەركىنلىكى، كىشىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى جەمئىيەتتە قالىدىغان تەسىرى، پانىي دۇنيا ۋە باقىي دۇنيا، تىلاۋەت ۋە ياخشىلىق قىلىش، بىلىم ۋە بەخت - سائادەت قاتارلىق تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرى جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئۆز داستانىنىڭ ھەممە قىسمىدا تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن، تولا ھاللاردا بىۋاسىتە ئۇسۇلدا ئەمەس، بەلكى چىقىش نۇقتىسى تەرىزدە، تولۇراق ئىككىنچى سەپتە بايان قىلغان، خالاس. بۇ، ئەسەر تېمىسىنىڭ، شۇنىڭدەك ئەسەر شەكىللىنىش ئۆزگىچىلىكى ۋە ئەينى زامان شارائىتىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» تە تېماتىك باياننىڭ ئىنسانشۇناسلىققا، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ قەدر - قىممىتى بىلەن ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى توغرىسىدىكى جەمئىيەت پەلسەپىۋى مەسىلىلىرىگە قارىتىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، تەبىئەت پەلسەپىسى بىلەن جەمئىيەت پەلسەپىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى شەكىللەنگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەبىئەتنى تەبىئەت ئارقىلىق ئىزاھلاش، تەبىئەت پەلسەپىسى ئارقىلىق جەمئىيەت پەلسەپىسىنى ئىزاھلاش، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەسلى زاتى ۋە قانۇنىيەتتىكى بىردەكلىكى ئاساسىدا ئۆز تېماتىكىسىنى يورۇتۇش ۋە غايىۋى جەمئىيەت مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش يولىنى تۇتقان. ئۇ 60 - بېيىتتا ئوخشىتىش ئۇسۇلى بىلەن مۇنداق يازىدۇ:

151-بەت

بۇ تۆرت ئىش ماڭا تۆرت تادۇتەك تۇرۇر تۈزۈلسە تادۇچىن تىرىكلىك بولۇر [بۇ تۆرت يار ماڭا تۆرت تادۇدەك ئېرۇر، تۈزۈلسە تادۇچىن ھاياتلىق بولۇر.]

شۇنداق قىلىپ، تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرى «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىككى ئاساسىي قىممەتتە — ھەم تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى قىممىتىدە، ھەم جەمئىيەت پەلسەپىسى تېماتىكىسىغا دۇنيا قاراش جەھەتتىكى ئۆل، يىلتىز، يېتەكچى قاراش، نەزەرىيىۋى ئاساس بولۇش قىممىتىدە گەۋدىلەنگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى يەنى زامان تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى بولغان ئالەمنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئادەمنىڭ ئالەمدىكى پائالىيەتچان ئورنى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنداق ئەبەدىيلىك پەلسەپە تېمىسىغا ئىسلام مەدەنىيىتى شارائىتىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى پەلسەپىۋى قاراشلىرى ۋە ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد فارابى پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئاساسىدا كلاسسىك پانتېئىزمىلق دۇنيا قاراش بىلەن يېقىنلاشقان. بۇ قاراش بويىچە، تەبىئەت ھەم «قۇت» (ئىلاھىي نەرسە)، ھەم «تادۇ» (مۇجەسسەملىك نەرسە) ھېسابلىنار، تەبىئەت بىلەن ئىلاھىيەت بىرگەۋدە قىلىنار ئىدى.

«قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «ئورخۇن — يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»، «ئوغۇزنامە»، «ئالتۇن يارۇغ»، «تۇرپان تېكىستلىرى» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرىنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا، ئۇلاردا كۈچلۈك ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق ساقلانغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىسلامىيەت ئالەم قاراشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەپەككۇرى تەرىپىدىن خۇددى مانىزم ۋە بۇددىزم قاراشلىرىغا ئوخشاش تەبىئىي ئىلاھچىلىق (دېئىزم)، ئەقىلچىلىك (راتسىئونالىزم)،

152-بەت

ئىنسانپەرۋەرلىك (گۇمانىزم) شەرتلىرى ئاستىدا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر پەلسەپەۋى بىلىش تارىخىدا ئىلگىرىكى ئەنئەنە ئىزچىللىقى ئاساسىدا يېڭى سەكرەشنىڭ — سۈپەت ئۆزگىرىشىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ نۇقتىدىن «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تەبىئەت پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئىلگىرىكى ئەنئەنىلىك مەلەكىلىكتىن كلاسسىكلىق مەلەكىلىككە كۆتۈرۈلدى. دەرھەقىقەت، «قۇتادغۇبىلىك» «شەرق مەدەنىيەت گۈللىنىشى»نىڭ 3 - باسقۇچىنىڭ [1] مۇقەددىمىسىگە سىمۋول بولۇپ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. قاراخانىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، خۇراسان ۋە پۈتكۈل خەلىپىلىكتىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئالەمشۇمۇل مەۋقى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك»تىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر مەھسۇلى ئۆزئارا توغرا تاناسىپ بولغانلىقى ھېچقانداق سىر ئەمەس، ئەلۋەتتە.

2. «قۇتادغۇبىلىك»تە «تۆت تادۇ» قارىشى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈچۈن ئالەمنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ ماددىي ئاساسى تۆت زات — «تۆت تادۇ»دىن ئىبارەت ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوتتىن ئىبارەت «تۆت تادۇ»نى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاساسى، تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاساسى، تەبىئەتتىكى زىددىيەت ۋە بىردەكلىكنىڭ ئاساسى، تەقدىرنىڭ تەبىئەتنى تۈزۈشىنىڭ ئاساسى دەپ قارىدى. ئۇ يەنە «تۆت تادۇ»نى ئىنسان تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسى، تۆت پەسىل، تۆت مەجاز، ساغلاملىق ياكى كېسەللىكنىڭ ئاساسى، جۈملىدىن جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ تەبىئىي يولى دەپ قارىدى. ئۇ داستاننىڭ 60 -، 143 -، 144 -، 145 -

153-بەت

1053 ،- 3579 ،- 3725 ،- 3726 ،- 4620 ،- 4621 ،- 4622 ،- 4623 ،- 4624 ،- 4625 ،- 4626 ،- 4627 ،- 4628 ،- 4629 ،- 4631 ،- 4632 ،- 5866 ،- 5867 ،- 5868 ،- 6006 ،- 6007 ،- 6008 ،- 6009 ،- 6010 ،- 6011 ،- 6014 - بېيىتلىرىدا تۆت زات ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى، تۆت زاتنىڭ ئالەم تەرتىپىدە تۇتقان ئورنى، تۆت زاتنىڭ ئۆزئارا زىددىيىتى ۋە بىرلىكى، تۆت زاتنىڭ تۆت پەسىلگە ۋە تۆت مىزاجغا بولغان مۇناسىۋىتى، كىشىنىڭ روھىي ھالىتى، ھەتتا كۆرگەن چۈشلىرىنى تۆت زات، تۆت پەسىل، تۆت مىزاج ئاساسىدا ئىزاھلاش لازىملىقى توغرىسىدا كلاسسىك قاراشلارنى بايان قىلغان.

«قۇتادغۇبىلىك» تىكى «تۆت تادۇ» قارىشى يىراق تارىخىي مەنبەگە ئىگە. مەلۇمكى، ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى ئىنسانىيىتى ئەڭ دەسلەپكى تەبىئەت ئىئتېقادچىلىقى سۈپىتىدە ھەر خىل ئانىمىزملىق مۇئەككەل ۋە نامايەندىلەرگە ئېتىقاد قىلىپ كېلىشتى. كېيىنچە، ئالەمنى بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەن «تۆت تادۇ» قارىشىغا يىغىنچاقلاپ ئىزاھلاشقا باشلىدى. مانا بۇ پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتەتتى.

مەلۇمكى، «تۆت تادۇ» ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئارىيان ھەم تۈركىي خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئارىيان ئانتروپولوگىيىسى ۋە تۈركىي ئېتنولوگىيىسىگە مەنسۇپلۇقى تىپىك بولغان ئۇيغۇر - ئوغۇز خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت قارىشى ئىدى. «تۆت تادۇ» چۈشەنچىسى شەرقىي ۋە غەربىي ئۇيغۇر - ئوغۇز قەبىلىلىرىدە «زات»، «قۇت»، «تۇغۇم» شەكىللىرىمۇ ئىپادىلەنگەن، ھەم ئىلاھىي، ھەم تەبىئىي خاراكتېر ئالغان باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن. گابائىن خانىم ئېلان قىلغان ئۇيغۇرچە «تۇرپان تېكىستلىرى» دىكى مانى قەسەيدىسىدە «تۆت تۇغۇم» مەنىسىدە، رەشىد رەھمەتى ئارات

154-بەت

ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرچە تىببىي تېكىست»تە «تەم» مەنىسىدە، «قۇتادغۇبىلىك»تە «ئېلېمېنت» مەنىسىدە كەلگەن①.

بۇنىڭدا تۇپراق دۇنيانىڭ مۇھىم بىر ئامىلى ھېسابلانغان. ئەڭ قەدىمكى تاش قورچاقلار، ھەر خىل مۇئەككەل ئوبرازلىرى لايدىن ياسىلىپ ئوتتا پىشۇرۇش بىلەن تەييارلانغان. تۇز ۋە سۈمۈق تېشى، تۈرلۈك مەدەنلەر ھېكمەتلىك سانالغان. قاشتاش، كۆك تاش (لازۇرىت تېشى) ، فىرۇزا تېشى، قىزىل بەدەخشان ياقۇتى، قارا شەھەر كۆك تاختا تۇزى، قىزىل سېغىز، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ سېھرلىك كۈچى بىلەن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا — تۇران ئاھالىسىنى مەھلىيا قىلىپ كەلگەن. كېسەل داۋالاش، بەدەننى بوياش، جەسەتنى قىزىل تۇپراققا ئوراپ كۆمۈش، تېرىقچىلىق، كاشىپچىلىق (كۇلالچىلىق) ، ئۆي — قەلئە قۇرۇلۇشى تۇپراقنىڭ «ئانا تەبىئىي»لىكتىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئانىمىزملىق ئولىنى بەرپا قىلىشقا سەۋەب بولغان. يېڭى يىل — نورۇز بايراملىرىدا كونا يىللىق لاي قورچاقلار تۇپراققا ئايلاندۇرۇلۇپ، قايتىدىن يېڭى يىللىق بەخت ھامىيلىرى ياسىلىدىغان ئادەت بولغان. ھەتتا ھونلار ھەر يىللىق يېڭى يىل بايرىمىدا تەڭرىقۇت ئوردىسىدا مۇشۇنداق بەخت مۇئەككەللىرى ياساش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈشكەن. شامان (قامان) ئەقىدىلىرىدە يەر تەڭرىسى ھامىيلىق مۇئەككەللىرىنى، بايلىق ۋە مول ھوسۇل مەبۇدىسى ئۇماي ئانا، ناچىگاي، ئەندىكۈل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. كونا رولاننىڭ خارابىگە ئايلانغان شەھەرلىرىدىن بىرىنىڭ «ناجىكەنت» دەپ ئاتىلىشى ئېھتىمال بايلىق ۋە مول ھوسۇل مەبۇدىسىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەنئەنە بويىچە «تونىيۇقۇق مەڭگۈ

① تادۇ — يەنە تەبىئەت، تەبىئىي زات، تەبىئىي ھاسىل، تۇغما مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ.

155-بەت

تېشى» دا: «ئىدۇق يەر سۇب» (قۇتلۇق يەر بىلەن سۇ) ، «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دا: «تەڭرى يەر بولغاق ئۈچۈن» (يەر تەڭرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن) ، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا: «تەڭرى يەر ئانتايۇ بېرتى»① (ئۇنىڭغا يەر تەڭرىسى قۇۋۋەت بەردى) ، «تۇرپان ئۇيغۇرچە مانى تېكىستلىرى» دە: «ئۆگۈنتا تەڭرى يەرگە رۇقاپىغىن ئاچتى» (ئۆلى تەرەپتىن تەڭرى يەر قاپقىسىنى ئاچتى) ، «ئىككى تىكىن ھېكايىسى» دە: «يەر تەڭرى تۆرۈمىشتە باي يېمە بار يوق چىغاي يېمە بار» (يەر تەڭرىسى ياراتمىشتا بايىمۇ بار، كەمبەغەلمۇ بار ئىدى) دەپ يېزىلغان.

سۇ — قەدىمكى ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئالەم بىنا قىلغۇچى مۇقەددەس شەيئىلىرىنىڭ يەنە بىرى ھېسابلانغان. سىر دەريا «شىپالىق سۇ» دەپ قارالغان. ئېيتىلىشىچە، «ئۆتۈكەن» ئىبارىسى «سۇلۇق» دېگەن مەنەنى بىلدۈرگەن. قەدىمكى تويۇن — شامان باخشىلىرى ئۆيلەنمەستىن ئۆزىگە «سۇ ئىلاھىنىڭ قىزىنى مەھبۇب قىلىپ، پاكلىقنى يار تۇتۇدۇ» دېگەن قاراشلار بولغان. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئوغۇزخاننىڭ سۇ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخكە چۈشۈرۈلگەن كۆك كۆز، قوڭۇر چاچ گۈزەل قىزنى ئالغانلىقى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىگە «دېڭىزخان» دەپ ئىسىم قويغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بايقال كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لىنا دەرياسى قاسنىقىدىكى (ھازىرقى جېڭىز جىلغىسى) قىيا تاشلارغا ئەجدىھا شەكىللىك ئۇزۇن قېيىققا چۈشكەن بىر توپ كىشىنىڭ يەنە شۇنداق قېيىقتىكى بىر توپ

① «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقىي يۈزى 29 — قۇرىدا، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ 38 — قۇرىدا، «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقىي يۈزى 1 — قۇرىدا مۇقەددەس يەر (ئىدۇق يەر) دېگەن ئىبارە تاشقا ئويۇلغان.

156-بەت

كیشی بىلەن مۇسابىقىلىشىپ سۇ ئۈزۈۋاتقانلىقى سىزىلغان① . بۇ خىل ھالەت ھازىرقى جەنۇبىي جۇڭگودىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئۇچرايدۇ. ھونلار 5 - ئايدا ئەژدەھا قايىقتا قۇرۇلتاي چاقىرىدىغان بولۇپ، ئەژدەھانى ئۇلۇغلايتتى. بۇ ئادەت شىمالىي - جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ھون ئەۋلادلىرى قۇرغان بىر قانچە ھاكىمىيەتلەر (خېن، كېيىنكى جاۋ، شىيا، شىمالىي لىياڭ) ئارقىلىق سۇي - تاڭ سۇلالىلىرىگە ئۆزلىشىكەن. كونا مىران (كىروراينا) ۋە رولان خارابىلىرىدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقى تاشا پۈتۈكلىرىدە سۇ تىلەش مەزمۇن قىلىنغان مۇناجاتنامە ۋە مۇراسىم قائىدىلىرى يېزىلغان. ئۇيغۇر ۋە ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى گېنتىكىسىدە خۇددى فېيېرباخ «خرىستىئان دىنىنىڭ ماھىيىتى» ناملىق كىتابىدا سۆزلىگىنىدەك: «سۇ تەبىئىي باراۋەرلىك ۋە ھۆرىيەتنى شەكىللەندۈرگۈچى نەرسە، ئالتۇن دەۋرىنى ئەكس ئەتكۈچى ئاينەك»② بولۇپ قالغان.

يەر ۋە سۇ توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر مەنىۋى قۇتۇپ ياساپ ئانا تەڭرىسى چۈشەنچىلىرىنى ھاسىل قىلغانىدى. ئورخۇن - يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا تۇپراق (يەر) بىلەن سۇ ھەم ئايرىم - ئايرىم، ھەم بىرلىشىپ ئانا تەڭرىسى «ئۇماي» سىماسىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقىي يۈزى 29 - قۇرىدا: «تەڭرى يەر بولغاق ئۈچۈن» (يەر تەڭرىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك) ، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» نىڭ

① ئا. پ. ئوكلادىنكو، ۋ. ئا. ژاپوروجسكايا: «لىنا قىياتاش رەسىملىرى» ، لېنىنگراد، 1959 - يىل، 97 - 103 - بەتلەرگە قارالسۇن. رەسىم بىلەن بېرىلگەن. ② «فېيېرباخ پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ، 1962 - يىل خەنزۇچە نەشرى، II توم، 321 - بەت.

157-بەت

شەرقىي يۈزى 1 - قورىدا: «تەڭرى يەر ئايۇ بەرتى سۇب» (يەر ۋە سۇ تەڭرىلىرى) ، 9 - قورىدا: «تەڭرى يەر ئاتتا ئاقۇ بەرتى» (يەر تەڭرىسى ئۇنىڭغا مەدەد بەردى) ، «تۆنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دا: «ئىدۇق يەر سۇب» (مۇقەددەس يەر ۋە سۇ) دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. تۇپراق بىلەن سۇنىڭ بىر گەۋدە قىلىنىشى ئاساسىدىكى ئانا يەر ئىلاھى — «ئۇماي» ھەققىدىكى بايانلارمۇ ئورخۇن - يەنەسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنغان. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقىي يۈزى 31 - قورىدا: «ئۆگەم قاتۇن قۇتۇغا كۆلتېكىن ئەر ئات بولتى» (ئۇمايدەك ئانام خاتۇن شاراپىتى بىلەن كۆلتېكىن ئەر بولۇپ يېتىشتى) ، «ئالتۇن كۆل مەڭگۈ تېشى» نىڭ شىمالىي يۈزىدە: «بۇ ئاتىمىز ئۇماي باقىز» (ئاتىمىز ۋە ئۇماي بىز بىلەن) ، «ئۇلانباتۇر مەڭگۈ تېشى قالدۇقلىرى» دا: «قان تەڭرى ئۇماي قاتۇن» (خان تەڭرى بىلەن ئۇماي خاتۇن) دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. ئۇماينىڭ نامى «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» نىڭ 38 - قورىدا ، «بايان چوققۇ مەڭگۈ تېشى» نىڭ 38 - قورىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. «ئالتۇن يارۇغ» دا: «قۇت تەڭرى قاتۇن» دېگەن شەكىلدە تىلغا ئېلىنغان. «يەنەسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دا يەنە «ئۇماي بەگ» ، «ئاناچ» (موماي) دېگەن شەكىلدىمۇ ئۇچرايدۇ.

يەر ۋە سۇ ھەققىدە «تۇرپان تېكىستلىرى» دە: «ئۈچ مىڭ ئۇلۇغ مىڭ يەرتىنغۇ يەر سۇۇ» (ئۈچ مىڭ ئۇلۇغ مىڭ ئالەملىك يەر بىلەن سۇ) ، «بۇ يەرتىنغۇ يەر سۇۇ داغى تىنىلغىلار» (بۇ كائىناتتىكى يەر ۋە سۇدىكى جانلىقلار) دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

ئىسلامىيەتتىن كېيىن ، يەر بىلەن سۇ ئىلاھى سۈپىتىن قالغان ۋە بايات (تەڭرى) ياراتقان تەبىئەت جىسمى («مۆجۈز») دەپ قارىلىشقا باشلىسىمۇ، مەنىۋى خاراكتېرىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى. «ئۇماي» ئانا ئىلاھلىقتىن ئانانىڭ بالىياتقۇسىغا قارىتىلغان ئىبارە بولۇپ قالدى. «ئالتۇن يارۇغ» دا: «ئۆگ

158-بەت

قارىنتا ئومايتا» (ئەقىل — ئانا قارنىدا — ئومايدا) دېگەن سۆز بار. ھاۋا ھەققىدىكى كۆز قاراش قەدىمكى نەپەس ۋە ھايات، ھاۋا رايى ۋە پەسىل ھەققىدىكى كۆز قاراشلار بىلەن زىچ تۇتىشىپ ئالەم ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان. ھاۋا — كۆك تەڭرىسىنىڭ شەپقىتى، ئاتا تەڭرىسى بىلەن ئۇلۇغ ئانا تەڭرىسى يەر — سۇ ئارىسىدىكى ئاساسىي ئالاقىچى سۈپىتىدە ھايات، تەقدىر، جەڭ، سەپەر، چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىققا تولىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىلاھىي تۈس ئالغان. قەدىمكى ئەپسانىۋى كۆز قاراشلاردا ھايات نەپەس (« تىنلىق ») كە يۆلەنگەن بولۇپ، جان ھاۋا شەكىلدە تەندىن چىقىپ كېتىدۇ، دېيىلگەنچە، يۆتتىن ياسالغان، ياكى لايدىن ياسىلىپ پىشۇرۇلغان قورچاقلارنىڭ قۇلىقىغا ئۆلگۈچىنىڭ چېچىنى تىقىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن روھى شو تۈشۈكتىن كىرىپ — چىقىپ تۇرىدۇ دېگەن چۈشەنچە ساقلانغان.

«رىگۋېدا» دا يېزىلىشىچە، ئارىيانلارنىڭ جەڭ مۇئەككىلى ئىندىرا (« تۇرىپان تېكىستلىرى »دە «ئىركەن ئىندىرا ») دارىتئانلارنى يېڭىش جەريانىدا « ئۆلتۈرۈ قاھان » (قورغۇچى خان) غا ئايلانغان، غەلىبىدىن كېيىن « مۆلۈت » (بۇلۇت) تەڭرىسىگە ئۆزگەرگەن. كېيىن بەخت تەڭرىسى «قۇتلۇ» بىلەن قوشۇلۇپ ئالەم بىنا قىلغۇچى ھەم سەنئەت ئىلاھى «سۇۋا» ئوبرازىغا ئايلانغان.

«ئۇيغۇرچە تىبابەت تېكىست» تە: « بورۇغرىنتا يىل ئىگ بولغانمىش ئېرسەر » (شامال تەڭرىسى ئاغرىپ قالسا خىرىلدايدۇ) دېيىلسە، «ئۇيغۇرچە مانى تېكىستى» دە: «يېمە يىل تەڭرى ئاگار ئوقشايىر » (يەنە شامال تەڭرىسى يولغا چىقتى) دېيىلگەن. «ئەرق پىتگ» دە: «يەر بوشلۇق تەڭرى بولۇتلۇق بولتى» (يار قايغۇرسا تەڭرى بولۇتلۇق بولدى) دەپ يېزىلغان.

ئوت — قەدىمكى ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى نەزەرىدە يەنە بىر مۇھىم ئالەم ئامىلى ھېسابلانغان. ئوتتۇرا

159-بەت

ئاسىيادىكى تېشىكتاش، كېلىتمىنار، قۇلتۇپ قاتارلىق غار تۇرمۇشى خارابىلىرىدىن تېپىلغان كۈل قاتلاملىرى، برونزا (تۇچ) قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئافاناسىيۇ مەدەنىيىتى، ئانتروپوۋلار مەدەنىيىتى ۋە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000 — 1000 يىللار ئارىسىدىكى قارا سۇقلار مەدەنىيىتىدىن ئوتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئېلىنغان. شامان ئېتىقادىدا ئاسمان 17 قەۋەتلىك نۇر دۆلىتى بولۇپ، ئۇ تەڭرى ۋە بەخت دەرگاھى ھېسابلانغان. ئۇنىڭ ئەكسى توققۇز قەۋەت دوزاخ بولۇپ، ئۇ ئالۋاستى ۋە ئاپەت ماكانى دېيىلىپ، سوغۇق ھەم قاراڭغۇلۇق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ئوتقا ھۆرمەت قىلىش، ئوتقا سېغىنىش، قاپاق كۆيدۈرۈش، ئاي — كۈن تۇتۇلغاشقاندا مەشئەل كۆتۈرۈپ شېئىرى تىلاۋەت قىلىش، كېلىننى ئوتتىن ئۆتكۈزۈش، كېسەلنى ئوت بىلەن ئۇچۇغداش، بېشىدىن ئوت ئايلاندۇرۇش، مۆردا چىققاندا چىراغ يېقىش، جىن — ئالۋاستىلارنى چاچاتقۇ ئوت بىلەن قوغلاش، ئوت چىچىپ دۇئايى بەنىت قىلىش قەدىمكى تۇران ئاھالىسىنىڭ ئوتقا بولغان ئىلاھىي تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. ئوتقا بولغان مۇنداق سېغىنىش تۈرلۈك ئىسرىق ۋە كۈجە پۇرىتىشقا ئېلىپ كەلدى. ئوت — روھ بىلەن ئۇنىڭغا ئاتالغان ئىسرىق (شىپا بەخش ھاۋا) نى ئۆزارا تۇتاشتۇراتتى. ئىسرىق رۆاھى ئاتالغان نەرسىنىڭ «شىپالىق رۆاھى»، «ھايات بەخش روھى» ياكى «خۇش كەيپ سوغىسى» ھېسابلىناتتى. ياغ پۇرىتىشمۇ ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن بىر شەكلى بولۇپ، ئوت بىلەن ھاۋادىن تەشكىل تېپىپ كۆك تەڭرىسىگە بېغىشلىنار ئىدى. ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيادىكى كۆپلىگەن قىيا سۈرەتلىرىگە ئوت (卍) تامغىسى ئويۇلغان. بىر چاغلاردا قاراشەھەر (كېڭىت، چالمىش) نىڭ «ئاگنى» (ئوت بالىق) دېگەن نامى بولغانلىقى مەلۇم.

كۈن بىلەن ئاي ئوتنىڭ ئىككى مۇقەددەس سىمۋولى دەپ

160-بەت

قارالدى. «كۈن تەڭرىدىن بولمىش»، «ئاي تەڭرىدىن بولمىش» دېگەن سەلتەنەت ناملىرى بىلەن «ئالتۇن يارۇغ» قا سەنگۇن سەللى قولى بىلەن يېزىلغان «ياڭى تۇغمىش كۈن تەڭرىتەك» (يېڭى چىققان كۈن تەڭرىدەك)، «ياڭى تۇغمىش ئاي تەڭرىتەك» (يېڭى چىققان ئاي تەڭرىدەك) دېگەن تەسۋىرى ئىبارىلەر بىر — بىرنى تىزىقلاشتۇردى. لوپنۇر بويىدىكى قەدىمكى قەبىرىلەرنىڭ بىر قانچە چېمبەر قوزۇق قېلىپ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش سىماسىدا ھازىرلىنىشى، دالالاردا بىر قانچە چېمبەر تاش تىزىلىپ قۇياش كۆرۈنۈشى ھاسىل قىلىنىشى قۇياشقا بولغان سېغىنىشنى گەۋدىلەندۈرگەن.

ھون تەڭرىقۇتلىرى ئۆزىنى تەڭرى پەرەزەنتى، قۇياش (كۈن) پەرەزەنتى ھېسابلىغان. ئۇلار قۇياش كۆتۈرۈلگەندە قۇياشقا، ئاي چىققاندا ئايغا قاراپ ئولتۇرغان. ئاي تولغاندا جەڭگە ئاتلانغان، ئاي قارايغاندا جەڭدىن چېكىنگەن. بەزى تەتقىقاتچىلار «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان، «كۈنەس»، «كۈنچى» قاتارلىق توپونىمىك ئاتالغۇلار دېمۇ قۇياش ئىبارىسىنىڭ مەنىسى بار، دەپ قارىماقتا.

ئاي بىلەن كۈن، جۈملىدىن ئاسمان جىسىملىرى ۋە ھاۋا بىرلەشمىپ مۇسبەتلىك يەنە بىر قۇتۇپنى — ئاتا تەڭرىسى — كۆك تەڭرىنى ھاسىل قىلغان. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دا: «ئۈزە كۆك تەڭرى ئاسرا ياغىز يەر قىلىنتۇقتا» (يۇقىرى كۆك تەڭرى بۇ قوڭۇر يەرنى پاناهىدا ئاسرا) دېيىلسە، «ئىرىق بېتىگ» دە: «ئۈزە ئون قات كۆك ئاسرا سەكسىز قات يەر تۇرۇر» (ئون قات يۇقىرى كۆك سەكسىز قات زېمىننى ئاسرا) دېيىلگەن. «تونىيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دا كۆك تەڭرىنىڭ نامى ئالتى جايدا تىلغا ئېلىنغان.

تۆت زات — تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت ئىككى چوڭ گورۇپپىغا — مەنىپى قۇتۇپلۇق (陰) ئانا تەڭرى، ئانا قۇتى يەر - سۇغا

161-بەت

ۋە مۇسبەت قۇتۇپلۇق (阳) ئاتا تەڭرى، ئاتا قۇتى ئوت ۋە ھاۋاغا بۆلۈنۈپ قارالغان. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 4622 - ، 4626 - ، 4627 - بېيىتلىرىدا سۆزلەنگەن «ئىسسىق» بىلەن «سوغۇق» دەل مۇشۇ ئىككى قۇتۇپلۇق — مەنپىي ۋە مۇسبەتلىك قاراشنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت. بۇ، قارىمۇقارشى قۇتۇپلارنىڭ قوشۇلۇشى مۇتەدىللىكنى پەيدا قىلىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ ئاساسىدۇر. «ئالتۇن يارۇغ» دىكى: «يىللى ئوتلى ئېككەگو يىنتەم قۇرۇ باربارلار» (ئوت بىلەن شامال بىللە بارار) ، خەلق ئاغزىدىكى سۇ بىلەن يەر كۆك - 15 ، «كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۈق» دېگەن سۆزلەر مانا مۇشۇ مەنپىي - مۇسبەت دىئالېكتىكىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقىي يۈزىدىكى 22 - ، 27 - قۇرلار بىلەن «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقىي يۈزىدىكى 27 - ، 37 - قۇرلاردا ئوت بىلەن سۇ (ئوت سۇب) مۇسبەت - مەنپىيلىك ئىككى مۇقەددەس نەرسە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.

تۆت زات كۆز قارىشى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ دۇنيانى بىلىش جەھەتتىكى ئالەمشۇمۇل تارىخىي جەريانغا قوشقان تۆھپىسى بولۇپ، بۇ كۆز قاراش ئۆزىنىڭ تۆت زاتنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە مەنبە قىلمىغان پاراللېلىزملىق خاراكتېرى بىلەن قەدىمكى ھىندىستان «چارۋاقا» [2] تەلىماتىدىن، ئۆزىنىڭ قەدىمكى يۇنان تۇپېيلىدىن گىرېك پەيلاسوپى ئېمپېدوكل [3] (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 490 - 430 - يىللار) ۋە ئارىستوتېللارنىڭ «تۆت ئېلېمېنت» تەلىماتىدىن پەرقلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، «چارۋاقا» تەلىماتىدا ھاۋا — گاز ئاساس ئامىل بولۇپ، ئوت، سۇ، تۇپراق گازدىن ھاسىل قىلىنغان ۋە گازغا ئايلىنىدىغان ئىدى. ئارىستوتېل «تۆت ئېلېمېنت» تەلىماتىدا تۆت زاتنى ئەمەس، بەلكى سوغۇق، قۇرغاق، ھۆل، ئىسسىقتىن ئىبارەت تۆت سۈپەتنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى گىرېكلاردا يېگانە ئوت (ھېراكلىت [4] تەلىماتىدا) ، ياكى

162-بەت

سۇ (تېلېس [5] تەلىماتىدا) ، ياكى ھاۋا (ئاناكسىمېن [6] تەلىماتىدا) ، ياكى مىقدار (پىفاگور [7] تەلىماتىدا) ، ياكى زەررە - ئاتوم (دېموكرىت [8] تەلىماتىدا) ئالەمنىڭ ئاساسىي مەنبەسى دېگەن كۆز قاراشلار ساقلانغانىدى.

ئۇيغۇر ۋە ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۆت زات كۆز قارىشى ئەڭ قەدىمكى زاماندىن بېرى داۋاملىق شەكىللىنىپ، ئىزچىل ساقلانغان. ئۇ شامان، ئاتەشبەرەسلىك (زاروئاستى- رىزم) ، بۇددا، مانى ۋە ئىسلام ئېتىقادلىرى دەۋرلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تېبابەتچىلىكنى نۇقتا قىلغان تەبىئەت ئىلمى بىلەن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز تەسىرىنى يوقاتقىنى يوق. «شەنجېنجىڭ. غەربىي تاغلار بابى»دا: «غەربىي دىيارلىقلار توپىراققا تەئەللۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا، سوغا ئائىت ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستېمال قىلىپ شىپا تاپىدۇ» دەپ يېزىلغان. تاك سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر تېبابەتشۇناس سۈن سىماۋ (581 — 682) «بېبھا غەيرىي دورا نۇسخىلىرى» ناملىق كىتابىدا غەربىي دىيار تېبابەتچىلىكىنىڭ «ئوت، ھاۋا، سۇ، توپىراق»تىن ئىبارەت تۆت زات كۆز قارىشىغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق يازغانىدى. لېكوك 1906 - يىلى تۇرپاندىن تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر مانى دۇئاسىدا: «تۆت تادۇ يورۇقلۇق بىلەن قوشۇلۇپ ئالەم تەڭرىسى ھورمۇزدا [9] (ئاخرۇمازدا — ئاپتور) نىڭ ئاساسىي ئالامىتى بولغان» دەپ يېزىلغان. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىننى ئۆزىنىڭ تۆت زات كۆز قارىشىدا ئۆزگەرتىپ قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

★

ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇلۇغ ئالىمى ۋە پەيلاسوپى ئەبۇ نەسر فارابى ئارىستوتېل پەلسەپىسىنىڭ

163-بەت

تەسىرىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۆت زات كۆز قارىشىنىڭ كۈچلۈك ئەنئەنىۋى تەسىرىدە ئۆزىنىڭ تەبىئەت كۆز قارىشىغا ئاساس سالغانىدى. ئۇ كېيىن باغداد، ھەلەب، دەمەشق قاتارلىق جايلاردا گرىك پەلسەپىسى بىلەن تونۇشقاندىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تۆت زات كۆز قارىشى ئاساسىدا ئېمپىدوكل، ھىپپوكرات، ئارستوتېل، گالېن قاتارلىقلارنىڭ «تۆت فېنىس» كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ تۆت زات ۋە ئالەم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ «پەلسەپىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى» ( «ئېھسانۇل ئۇلۇم» ) ناملىق زور ھەجىملىك ئىلمىي كىتابىدا تۆت زات توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ بايان قىلساق، ئۇ تۆتلىك شەئىيەر بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلار: ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت… ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىمۇ تۆت خىل، ئاتاپ ئېيتقاندا: ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل ۋە قۇرغاقتىن ئىبارەت»① دەيدۇ. فارابى ئارستوتېلنىڭ ئەكسىنچە تۆت زاتنى ئەسلى ماددا — «جەۋھەر» (سۇبستانسىيە) ، تۆت خۇسۇسىيەتنى ئالامەت — «ئەرەز» (ئاكسىدېنسىيە) دەپ ئاتىغان. ئۆنۈڭچە، جەۋھەرسىز ئەرەزنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئىبىن سىنا فارابى پەلسەپىۋى سىستېمىسىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى تۆت زات كۆز قارىشىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ «ئەلقانۇن فىت تىب» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: «تەبىئىي ئۇنسۇرلار تۆتلا. ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئارتۇق ئەمەسلىكىگە تەبىئەتشۇناس ئالىملار ئىشەنسۇن. ئۇنسۇرلارنىڭ

① س. ن. گرىگورىيەننىڭ: «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران VI — IX ئەسر پەلسەپە تارىخى ئوچېرىكلىرى» ناملىق كىتابىغا «ئېھسانۇل ئۇلۇم» ئىلاۋە قىلىنغان. رۇسچە 1960 — يىل نەشرى، 151 — ، 152 — بەتلەر.

164-بەت

ئىككىسى يەڭگىل، ئىككىسى ئېغىردۇر. يەڭگىل ئوت ۋە ھاۋا بولۇپ، ئېغىرى سۇ ۋە توپراقتۇر. تۇپراق ئاددىي جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىي ئورنى ھەممە جىسىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر… توپراقنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ۋە سوغۇقتۇر … سۇ سوغۇق ۋە ھۆلدۇر… ھاۋانىڭ تەبىئىتى … ئىسسىق ۋە ھۆل. ئوت … مۇتلەق يەڭگىل… ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق ۋە قۇرۇق»① دەپ يازغان. ئىبىن سىنا «مەۋجۇداتنىڭ بۆلۈنۈشى توغرىسىدا رىسالە» ، «بىرۇنى بىلەن ئىبىن سىنانىڭ سوئال - جاۋابلىرى» قاتارلىق ماقالىلىرىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى تۆت زات كۆز قارىشىنى ئىزاھلاپ ئۆتكىنىدەك.

★

ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئىزاھلاش ئىزدەنىشلىرىگە ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى خەلقلىرى تەرىپىدىن قوشۇلغان مۇھىم ھەسسە بولغان «تۆت تادۇ» قارىشى يۈسۈپ خاس ھاجىپتا ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى بايانىدىن كۆپ قاتلاملىق كلاسسىك بايان ھالىتىگە كۆتۈرۈلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تۆت تادۇ» قارىشى ئارقىلىق پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، ئىنسان بىئولوگىيىسى مەسىلىلىرىنى ئىزاھلاپ قالماي، يەنە جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆلگۈسىنى تىكلەندى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 3725 - ، 3726 - بېيىتلىرىدا ئارىستوتېل، فارابى ۋە ئىبىن سىناغا ياندىشىپ يەر

① ئىبىن سىنا: «ئەلقانون فىت تىب» ، 1954 - يىل، تاشكەنت نەشرى، I توم، 6 - ، 7 - بەتلەر.

165-بەت

(تۇپراق)نى سۇ قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىنى ھاۋا (يەل) قورشاپ تۇرىدۇ، ئوت بولسا ئالەمنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ① دېگەن پىكىر بىلەن، بۇ تۆت زاتنىڭ تۆت خىل فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ئۈستىدە مۇنداق يازىدۇ:

قۇدسى يالغۇز يەر ياشىل سۇۋ بىلە ئۈرۈسى سۈزۈك يەل ئۈزە ئوت تۇلا [تەگىدۇر قوڭۇر يەر بىلەن يېشىل سۇ، ئۈستى سۈپسۈزۈك يەل بىلەن ئوتتۇر ئۇ.] «ئىسسىگ تۇملۇغىغ ھەم قۇرۇغ يا ئۆلۈگ» ياراشتۇردى خەلققە تەگۈردى ئۆلۈگ [قۇرۇق - ھۆل بىلەن بۇ ئىسسىق، سوغۇقنى - ياراشتۇردى، بەردى خەلققە رىزقىنى.]

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ «يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ بايانىدا» ناملىق بابىنىڭ 143 -، 144 -، 145 - بېيىتلىرىدا تۆت زاتنىڭ تۆت پەسىلگە ئاساس سالغانلىقى، تۆت زاتنىڭ ئالەم قۇرۇلۇشىنىڭ نېگىزى ئىكەنلىكى توغرىسىدا «ماتېرىيالىستىك قاراشقا ئېنىق ئىشارە قىلىنغان ئېپىزوت»② بېرىلگەن:

ئۈچى ئوت ئۈچى سۇۋ ئۈچى بولدى يەل ئۈچى بولدى تۇپراق ئازۇن بولدى ئەل

① بۇ خىل كۆز قاراش يەر مەركەزلىك تەلىماتى (گېئوسېنتىرىزم) نىڭ پەلسەپەۋى ئاساسى بولغان. يەر مەركەزلىك نەزەرىيىسى بويىچە سوغۇق ۋە قۇرۇق، ئېغىر خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان تۇپراق (يەر) قالغان ئۈچ زاتنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، ئۇلار ئۆز تەرتىپى بويىچە ئالەمنىڭ گەۋدە تۈزۈلۈشىنى تەشكىل قىلغان، دېيىلەتتى.

② قەييۇم كەرىموف: «بىلىك بەختى داستان»، 29 - بەت.

166-بەت

[ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت، تۆتىنچى تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.] بۇلاردىن بىرىسى بىرىگە ياغى ياغلىققا ياغى ئەتتى كەستى چوغى [يىغىدۇر بۇلارنىڭ بىرىگە بىرى، قويۇپ ياشقا ياش، قىلدى جەھلى نىرى.] قارىشماس ياغلار ياراشتى ئۈچۈن كۈرۈشمەس ياغلار كۈتۈردى ئۈچۈن. [ئۇرۇشماس بۇ ياغلار، ياراشقان ئۈچۈن، كۆرۈشمەس بۇ ياغلار كۆتۈرگىچ ئۈچۈن.]

شۇنداق قىلىپ، خۇددى فارابىغا ئوخشاش يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «تۆت تادۇ» تۇپراقنى مەركەز قىلىپ، سۇ، ھاۋا ۋە ئوتنىڭ ئېغىر — يېنىكلىك بويىچە بىر — بىرىنى چۆرىدەپ چەمبەر ھاسىل قىلىشىدىن مۇنداق تۈزۈلمە مودېلىغا ئىگە دەپ قارايدۇ:

ئوت (قۇرۇق . ئىسسىق) ھاۋا (ھۆل . ئىسسىق) سۇ (ھۆل . سوغۇق) تۇپراق (قۇرۇق . سوغۇق)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر — بىرىگە قارىمۇ قارشى ۋە بىرلىكتە بولغان تۆت زاتنى ئىنساننىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشى، ھاياتى، ساغلام ياكى كېسەللىكى، ھەتتا روھىي ھالىتىنىڭ ماددىي ۋە بىرىنچى نېگىزى سۈپىتىدە كۆز

167-بەت

داستاننىڭ كۆپلىگەن بېيىتلىرىدا، بولۇپمۇ 1053-، 3579 -، 4631 -، 4632 -، 4633 -، 5866 -، 5867 -، 5868 - بېيىتلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلىنىدۇ.

بۇ داستاننىڭ 4632 -، 4633 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئۆزۈڭ تەبىئىي مەن ئايايىن يۇرا قىزىللى سارىغلى ئۆرۈڭلى قارا [ مىزاجىڭنى ئېيتاي ئوچۇق ساڭا، بىل، سېرىق، ئاق، قارادۇر ۋە ياكى قىزىل. ] بولاردا بىرىسى بىرىگە ياغى، ياغۇسا ياغىقا ياغى ئادرارا [ بۇلارنىڭ بىرىسى بىرىگە يېغى، يېغىلارنى بۇ رەڭ بىلەن ئايرىغىل. ]

شائىر ئۆز داستانىنىڭ 1053 - بېيىتىدا كىشى بەدىنىدە تۆت زاتنىڭ نورمال ( «ياراشىق» ) ھالىتى بۇزۇلۇشى تۈپەيلى ساغلاملىققا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى :

ياراشىق تادۇلار قارشىتى ئىچىن كۈچەيدى بىرى تۇتتى باستى ئۈچىن [ جەھدەل باستى يارىشىق تادۇ ئىچىنى، يېڭىپ بىرى باستى كېلىپ ئۈچىنى. ]

دېگەن مىسرا بىلەن ئىپادىلىسە ، داستاننىڭ 5866 - ، 5867 - ، 5868 - بېيىتلىرىدا كىشىنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى تۈرلۈك ئىپادىلىرىنىمۇ بىر - بىرىگە زىت تۆت زات ئاساسىدا مۇنداق ئىزاھلايدۇ :

168-بەت

كىشى تەبىئى تۆرت ئول قارشىما ياغى بىرى كۈلدۈرۈر بىر قىلۇر ئۈن چوغى [ كىشى تەبىئى تۆرت قارىمۇقارشى يېغى، بىرى كۈلدۈرۈر، بىرى قىلۇر ئۈن چوغى①] بىرى ئۆسە بىرى ئامۇللۇق تىلەر بىرى كۈلسە بىرى سېغىتقا ئۇلار [ بىرى شاشسا، بىرى بېسىقلىق تىلەر، بىرى يىغلىتىپ، ئۇ بىرى كۈلدۈرەر.] سەۋىنچلىك تەدۈكتە ساقىنچ كەلتۈرۈر ساقىنچلىغ تەسەبۇ سەۋىنچ كۈلدۈرۈر [ خۇشاللىق دېگەن چاغدا غەم كەلتۈرۈر، خاپىلىق دېسە بۇ خۇشال كۈلدۈرۈر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئىنساننى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىزاھلىغىنىدا، تۆت زات مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كېلىدىغان تۆت پەسىل ئۆزگىرىشىنىڭ، جۈملىدىن ئادەم ھاياتىدىكى بالىلىق، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە قېرىلىقتىن ئىبارەت تۆت تەرەققىيات مەزگىلىنىڭ ئادەم ھاياتىنىڭ نورماللىقىنى تەئىمىنلەپ تۇرغان تۆت مىجەز تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئۆز داستانىنىڭ 4620 — 4629 — بېيىتلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 6006 — 6014 — بېيىتلىرى ئارىسىدا، ھەتتا تۆت پەسىل، ئۆمۈرنىڭ تۆت دەۋرى② ۋە تۆت زات ئۆزگىرىشى كىشىنىڭ قانداق چۈش كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئىزاھلاپ

① ئۈن چوغى — غوۋغا قىلماق. «قۇتادغۇبىلىك» [231] ئىزاھات.

② بالىلىق، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە قېرىلىق دەۋرلىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

169-بەت

ئۆتىدۇ. بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىمىز.

★

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «تۆت تادۇ» قارىشى، تۆت زاتنى پاراللېل ئورۇنغا قويغانلىقى، تۆت زاتنى ئالدى بىلەن نەرسە (سۇبستانسىيە) ، ئاندىن كېيىن خۇسۇسىيەت دەپ مۇقەررەرلىك ئورۇنغا قويغانلىقى، تۆت زاتنى بىر قاتار پائالىيەتچان قاتلاملارغا ئاجرىتىپ ئىزاھلىغانلىقى، تۆت زات ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسى مەسىلىلىرىدىن تاشقىرى ئىجتىمائىي ۋە روھىي مەسىلىلەرنى ئىزاھلىغانلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىك شەكىللەندۈرگەن.

3. «قۇتادغۇبىلىك»تە زىددىيەت، ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات قارىشى

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا كۆزگە تاشلىنىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر مۇھىم پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەر — شەيئى ۋە ھادىسىلەردىكى زىددىيەت ۋە كۈرەش نۇقتىئىنەزىرىدىن ئىبارەت.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە زىددىيەت ۋە كۈرەشنى ئالەم تەرەققىياتىنىڭ تۈپ مەنبەسى دەپ روشەنلەشتۈرمىگەن بولسىمۇ، ئۇ مۇنداق زىددىيەت ۋە كۈرەشنى بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ ئاساسىي ماددا — «تۆت تادۇ»نىڭ تەبىئىي خاراكتېرىدە ساقلانغان مەنپىي — مۇسبەتلىككە باغلايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مۇنداق زىددىيەت ۋە كۈرەشنى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئادەم ۋۇجۇدىغىچە، تەبىئەتتىن جەمئىيەتكىچە ئومۇمىي ھادىسە سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زىددىيەت ۋە كۈرەش قاراشلىرىغا

170-بەت

قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا - مەركىزى ئاسىيا پەلسەپىۋى قاراشلىرى تەسىر كۆرسەتكەن. «تۈركى تىللار دىۋانى» دا: «بېگلەر بىر - بىرىگە ياغىتتى» (پادىشاھلار ئۆزئارا زىتلاشتى) دېيىلسە، «ئالتۇن يارۇغ» دا: «يۇمقى يىغىلىپ بىر يۇرتە ئۆچمەن قارشى تېپىلەر» (ئۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆزئارا قارشىلىشار) ، «تۆرت ماھا بۇتلۇق يىلانلار ئۆزكە تۇزا تۇتتى ئول تۇرسالار يىمە بىر يۇرتە» (تۆت چوڭ زات بىر جايدا تۇرسمۇ خۇددى يىلاندەك بىر - بىرىدىن تۆرقى پەرقلىنىدۇ) دېيىلگەن. «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» دە: «بۇ يېرتىنغۇ تۆرۈسى ئانتاغ ئول ئامراق يىمە ئادىرلار سېۋىگ يىمە سەۋىرىئۇر» (بۇ ئالەم قانۇنى شۇنداقتى، ئۇ ئامراقلىقنى بىلمەيدۇ، مۇھەببەتنى بىلمەيدۇ) دەپ يېزىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ 2249 - ، 2250 - بېيىتلىرىدا زىددىيەت ( «ياغى» ، «قارشىما» ، «ئۆچەش» ) قۇتۇپلىرىنىڭ زىتلىقىنى مۇنداق يازغان:

ئەسسز ئەزگۈ بىرلە ياراشماز بولۇر كۆنى ئەگرى بىرلە كۆرۈشمەز بولۇر [يامان ياخشى بىرلە ياراشماس بولۇر، تۈز ئەگرى بىلەن چىقىشالماس بولۇر.] قارا تۈن يارۇق كۈنكى ياقماز ياغۇق، ياشىل سۇۋ قىزىل ئوتقا بولماز قونۇق. [ قارا تۈن، يورۇق كۈن ئاراسى يىراق، يېشىل سۇ قىزىل ئوتقا بولماس قوناق①.]

تۆت زاتنىڭ زىددىيەتتىن باشقا بىرلىشىشى توغرىسىدا

① قوناق — قونۇچى، مېھمان. «قۇتادغۇبىلىك» [136] ئىزاھات.

171-بەت

«ئالتۇن يارۇغ»دا «تۆت ئۇلۇغلار بىرىكىپ» دەپ تىلغا ئېلىنغانىدى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، زىددىيەتنىڭ بىردەكلىك («ئۆز»)، ھەمجەھەتلىك، گارمونىيىلىك مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭچە، زىت خاراكتېردىكى، بىر- بىرى بىلەن كۈرىشىدىغان ئالەم («يىرتىنغۇ») ۋە تەبىئەت تەڭرى («بايات») نىڭ ئىزغا سېلىشى، قانۇنىيەتلىك قىلىنىشى شاراپىتىدىن بىردەكلىك ئىچىدە ئۆزئارا ماسلىشىپ مەۋجۇت بولۇپ ۋە ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستىك دىئالېكتىكا كۆز قارىشىنىڭ مۇھىم بىر ئۇتۇقىنى ھاسىل قىلغان. ئۇ 146- بېيىتتا مۇنداق يازىدۇ :

ئەتكىلى باياتىم ئەتتە بەردى ئۆز ئەتتە بەردى تۈزدى ياراشتۇردى تۈز [يەتكۈچى ئىلاھىم سېلىپ ئىزغا ئۆز، ياراتتى ئۇلارنى، ياراشتۇردى تۈز.]

ئۇ 3212- بېيىتتا تۇپراقنىڭ سۇ بىلەن زىددىيەتتىن بىردەكلىككە كېلىشىنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ :

ياغىز يەر ياشىل سۇ ياراشتى بىلە ئارا مىڭ چېچەكلەر يازىلدى كۈلە [قوڭۇر يەر يېشىل سۇ ياراشماق بىلە، ئارا مىڭ چېچەكلەر ئېچىلدى كۈلە.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، داستاننىڭ 3550-، 3551- ، 4926- بېيىتلىرىدا زىددىيەتلەرنىڭ بىردەكلىكى ۋە قارشى تەرىپكە ئۆتۈشۈلۈشىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ :

172-بەت

سەۋىنىچىن كۆرۈ بارسا ئاخىر ساقىنچ ساقىنچىن تىرىلسە بولۇر كىن سەۋىنچ [سەۋىنىچتىن كۆرەرسەن، ئاخىرى غەم، غەمدىن كېلۇر سولۇق سەۋىنىچى ھەم.]

ئۈچى نېمەت ئەرسە تۆپى مېھنەت ئول باشى مېھنەت ئەرسە سوڭى نېمەت ئول [ئۈچى بولسا نېمەت، تۆۋى مېھنەت ئول، بېشى بولسا مېھنەت، سوڭى نېمەت ئول.]

قورۇغلۇق تۇرۇر بۇ زامانە ياسى ئارا ئاسغى تەگرۈر ئارالا ياسى [قورۇقلۇق تۇرار بۇ زامانە پاسى، تەگۈر گاھ زەرىرى، گاھى پايدىسى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 4225 - ، 4226 - ، 4227 - ، 4228 - بېيىتلىرىدا سۈلھى قىلغىلى بولىدىغان ۋە سۈلھى قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى خىل زىددىيەت ھەققىدە توختىلىدۇ. ئەپسۇسكى، مۇتەپەككۇر ئەينى زامان ئىسلام ئىلاھىيەتچىلىكىنىڭ تەسىرىدە دىنىي زىددىيەتنى مۇرەسسەسىز زىددىيەتنىڭ، مەنپىيەت زىددىيەتنى مۇرەسسە - مادارا قىلىشقا بولىدىغان زىددىيەتنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 126 - ، 696 - ، 731 - ، 734 - ، 743 - ، 744 - ، 1049 - ، 1050 - ، 1086 - ، 1087 - ، 4888 - ، 4889 - ، 6219 - ، 6220 - ، 6221 - بېيىتلىرىدا ئالەمنىڭ، ھەممىدىن ئىلگىرى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز ھەرىكەتتە ۋە ئۆزگىرىشتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ خىل ئۈستىرتىنچىلىك دىئالېكتىك كۆز قارىشى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلاھىيەتچىل نۇقتىئىنەزىرىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىلىپ كېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئىلاھىيەتچىل ئالەم ھەرىكىتى كۆز قارىشى

173-بەت

داستاننىڭ 3194 - بېيىتىدا مۇنداق تىپىك تەرىپلەنگەن:

تۆرۈتتى بۇ ئۆزەن تۈچى ئۆرىلۈر بايات ھۆكمى تەقدىر بىلە تەزكىنۈر [ ياراتتى پەلەكنى، تورماي چۆگىلۈر، خۇدا ھۆكمى تەقدىرىلە تەۋرىنۈر. ]

داستاننىڭ «يەتتە يۇلتۇز ۋە 12 بۇرچ بايانىدا» ناملىق بابى پۈتۈنلەي ئالەمنىڭ، جۈملىدىن جانلىق تەبىئەتنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشىگە بېغىشلانغان. 126 - بېيىت بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى سۈپىتىدە مۇنداق يېزىلغان:

ياراتتى كۆر ئۆزەن تۈچى ئۆرىلۈر ئانىڭ بىرلە تەزگىنچ يەمە تەزگىنۈر [ياراتتى پەلەكنى، كۆر، دائىم ئايلىنۇر، ھايات ھەم ئۇ بىرلە تىنماي چۆگىلۈر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن باشقا يۇلتۇزلار، جۈملىدىن ئايمۇ ئورۇن ئۆزگىرتىدۇ، بۇرچ ئۆزگىرىشىدىن پەسىللەر ھاسىل بولىدۇ، ئۆرلىشى بىلەن چۈشۈش، كېچە بىلەن كۈندۈز، تۇغۇلماقلىق بىلەن ئۆلمەكلىك، خوشاللىق بىلەن قايغۇ ئۆزئارا ئۆزگىرىدۇ، بىقارارلىق، تۇرغۇنسىزلىق ئالەمنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئىنسانىيەت ھاياتى بىلەن بەخت سائادەتمۇ مۇنداق بىقارارلىقنىڭ تەسىرىدە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

داستاننىڭ 743 ، 744 بېيىتلىرىدامۇنداق دەيدۇ:

بۇ ئاي ئورنى بولدى كەۋى مۇنغەلىپ

174-بەت

ئورۇنسىز بولۇر مۇنقەلىب نەك قىلىپ [بۇ ئاينىڭ ئۆيى ھەم ئورنى مۇنقەلىب①، مۇنقەلىب — قالۇر ئۆيسىز ئاخىر بېرىپ.] بۇ ئاي بۇرچى ساراتان بۇ ئەۋزۆرۈر ئۆزى ئەۋزۆرۈر ھەم ئۆزى چەۋزۆرۈر [بۇ ئاي بۇرچى ساراتان، بۇ بۇرچ ئۆزگۈرۈر، ئۆيى ئۆزگۈرۈر ھەم ئۆزى چۆرىگۈلۈر.]

«قۇتادغۇبىلىك»تىكى كۆپلىگەن تەبىئەت تەسۋىرى لىرىكىلىرى ھەرقايسى مەۋسۈملەردىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بۇرچ ئۆزگىرىشىنى سۈرەتلەش ۋاستىسى بىلەن بېرىلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 696 -، 1086 - ۋە 1087 - بېيىتلىرىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ، توغۇلماقلىق بىلەن ئۆلمەكلىكنىڭ ئۆز ئارا ئۆزگىرىشىنى ئومۇمىي ئۆزگىرىشكە مىسال قىلىپ مۇنداق تەسىۋىرلىگەن:

كېلىپ بارماز ئەرسە بۇ دەۋلەت يانا تۆنەرمەگەي ئەردى يارۇمىش كۈنە [كېلىپ كەتمەس بولسا بۇ دۆلەت يانا، يورۇق كۈن قارايماس ئىدى، كۆر، مانا.] قايۇكىم توغار ئەرسە ئۆلگۈ كېرەك قايۇ نەڭ ئاغار ئەرسە ئىنگۈ كېرەك [نېمە كىم توغۇلار ھەم ئۆلمەك كېرەك، نېمە ئۆرلىسە، پەسكە چۈشمەك كېرەك.] ئاغىشقا ئىنىش ئول ئەدىزكە پاتىغ، سەۋىنچكە ساقىنج ئول ئاچچىققا تاتىغ

① مۇنقەلىب — يۆتكىلىپ، ئايلىنىپ تۇرغۇچى، تۇراقسىز. «قۇتادغۇبىلىك» [85] ئىزاهات.

175-بەت

[چىقىشقا چۈشۈش بار، ئېگىزگە باتىق①، سۆيۈنچكە قايغۇ — غەم، ئاچچىققا تاتىق②.]

داستاننىڭ 1049 — ، 1050 — بېيىتلىرىدا بۇ پىكىر تېخىمۇ دىئالېكتىك تۈستە مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ:

ئېنىگلى ئاغار ئول ئاغىغلى ئېنەر يارۇغلى تۈنەر ئول يورۇغلى تىنار [ئۆرلەنگەن چۈشەر ھەم چۈشكەنلەر چىقار، يورۇغان ئۆچەر ھەم يورۇگەنلەر تىنار.] نەكىم ئىشلەر ئېرسە تۆكەلمەن كۆدەر تۆكەگلى تۆكە سە ئىنىشكە يانار [نە ئىشكىم قىلىنسا تولۇقلۇق كۆتەر، تولۇقلۇققا يەتسە چۈشۈشكە يانار.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ 392 — ، 400 — ، 401 — ، 402 — ، 403 — ، 404 — ، 549 — ، 550 — ، 662 — ، 666 — ، 668 — ، 669 — ، 670 — ، 676 — ، 677 — ، 681 — ، 685 — ، 694 — ، 695 — ، 719 — ، 731 — ، 734 — ، 741 — ، 742 — ، 743 — ، 1332 — ، 1373 — بېيىتلىرىدا ئۆزگىرىش چاقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

بەخت — سائادەت كاتىگورىيىسىنىمۇ يېڭى چىققاندا كىچىك باشلىنىپ بارغانسېرى ئۆرلەپ، تولغاندىن كېيىن يەنە كىچىكلىشكە باشلايدىغان، بىقرار ۋاپاسىز ئايغا، دومىلاپ توختىمايدىغان توپ (پومزەك)قا، تۇتۇق بەرمەيدىغان كېيىك ياكى قۇشقا ئوخشىتىدۇ.

① باتىق — چۇڭقۇرلۇق، ئوي يەر. «قۇتادغۇبىلىك» [100] ئىزاھات.

② تاتىق — تاتلىق، لەززەت. «قۇتادغۇبىلىك» [101] ئىزاھات.

176-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ھەرىكەت، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنىڭ ئۆز بېسىشى ئاساسىدا ئىزاھلىنىدۇ. مۇتەپەككۇر ئۆز ئەسرىنىڭ 686 — ، 687 — ، 688 — ، 689 — بېيىتلىرىدا ئۆزىنىڭ يېڭىلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئۆز ئايتولدى نامىدىن روشەن جاكارلاپ مۇنداق يازىدۇ:

مۇن ئەرەمەز ماڭا كۆر بۇ ئەرەسە لىكىم ياڭى نەڭ تولولارما ئۆزكە بەكىم [تۇراقىسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىب ئەمەس، تاللايمەن كۆزۈمگە يېڭى نەرسە، بەس.] قامۇغ ئەسكى نەڭلەر ئەرىنچىگ بولۇر ئەرىنچىگ يۆكى كۆر يەرىنچىگ بولۇر [پۈتۈن كونا نەرسە يىقىمسىز بولۇر، يىقىمسىز يۆكى، كۆر، كۆڭۈلسىز كېلۇر.] ياڭى نەڭ بولۇردا بۇ ئەسكى نە رەك تالۇ نەڭ بولۇردا ياۋۇز نە كەرەك [يېڭى نەرسە بولسا، كونا نە كېرەك، سەرە① نەرسە بولسا يامان نە كېرەك.] ياخشىدا بولۇر كۆرسە بارچە تاتىغ تاتىغنى تىلەپ ئەر كۆر ئەمەگەر قاتىغ [پۈتۈن تەم ۋە لەززەت يېڭىدا بولۇر، بۇ لەززەتنى ئىستەپ كىشى قىينىلۇر.]

«قۇتادغۇبىلىك» تە تىلغا ئېلىنغان زىددىيەت، ھەرىكەت، تەرەققىيات توغرىسىدىكى بايانلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى قاراشلىرىدىكى دىئالېكتىك ئامىللارنى چۈشىنىشتە، مۇتلەق — نىسپىيلىك قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى

① سەرە — نەپىس، سەرخىل، كۆركەم.

177-بەت

كلاسسىك قاراشنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىدېئولوگىيە تارىخىدىكى ئىزچىل ئىپادىلىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«قۇتادغۇبىلىك»تە تىلغا ئېلىنغان يېڭىلىقنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە يېڭىلىقنىڭ تەرەققىياتتىكى ئاۋانگارتلىق رولى توغرىسىدىكى يارقىن قاراشلار مۇتەپەككۇرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيىلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە، ئۇنىڭ ئەينى زاماندىكى بارلىق تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھادىسىلىرىنى قىزغىن قوللىغانلىق ئوبرازىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە مەنىۋى قىممەتكە ئىگە. بۇ قاراش يەنە «گۈزەللىك — يېڭىلىقتۇر» دېگەن يەنە بىر قاتلاملىق ئىلمىي قىممىتى بىلەن ئېستېتىكلىق ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە.

4. «قۇتادغۇبىلىك»تە تەبىئەت پەلسەپىسى كاتېگورىيىلىرى

كاتېگورىيىلىك چۈشەنچىلەر ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئالەم بىلىش جەريانلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئەھۋالنىكى، ئۇ ئەينى زامان روھىيىتىگە يارىشا ئانىمىزمچىلىق، شامانىزمچىلىق ياكى تەبىئەت ئىلاھچىلىقى (دېئىزملىق) تۇس ئالغان، خالاس. بىز «ئورخۇن — يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»، «تۇرپان تېكىستلىرى»دىن «قۇت»، («تادۇ»، «ماھابۇت»)، «ئاجۇن» (دۇنيا، دەۋران)، «يىرتاغۇ» (كائىنات، ئالەم)، «ئۈچ ئۆتكى» (ئۈچ زامان)، «ئۆگرە ئاجۇن» (ئۆتكەن زامان)، «كۆزۈنۈر ئاجۇن» (رېئال دۇنيا)، «ئۇقبا» (پانىي دۇنيا)، «ئۆزۈلەك» (تەقدىر)، «مەڭۈ»، «ئاھىرى» (ئەبەدىيلىك)، «تۇراقسىز» (بىقارار)، «ئۆلسىز»

178-بەت

«تۆپسىز» (چەكسىز) ، «تۇغۇم» (تۆپ زات) ، «بايات» ، «تەڭرى» (تەڭرى، خالىق) ، «مۆجۈز» (مەخلۇق، يارالمىش نەرسە) ، «ئۇماغ» (مۇمكىنلىك) ، «ئۆزۈت» (ماھىيەت، روھ) ، «ئۆلۈك» (شەكىل، ھالەت) ، «تۆرۈ» (قانۇنىيەت) ، «كېرتۈ» ، «كونى» (چىن، ھەقىقەت، ھەقىققىي) ، «ئەركىسنىمەك» (ئۆز - ئۆزىگە ئىگە، ئەركىنلىك) قاتارلىق تەبىئەت پەلسەپىسىگە ئائىت كاتېگورىيىلىك ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىمىز .

«قۇتادغۇبىلىك» بىلىش نەزەرىيىسى ، تەبىئەت ئىلمى ، ئەدەپ - ئەخلاق ، سىياسىي - قانۇن ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ئائىت بىر قاتار كاتېگورىيىلىك ئىبارىلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىللە ، يەنە تەبىئەت پەلسەپىسىگە ئائىت بىر مۇنچە ئاساسلىق كاتېگورىيىلىك چۈشەنچىلەرنى تىلغا ئالدى . بىز كىتابىمىزدا بۇ كاتېگورىيىلىك چۈشەنچىلەرنى ئالاقىدار ماۋزۇ - تېمىلاردا بايان قىلىدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى بېيىت كۆرسەتكۈچى بىلەن تىلغا ئېلىپلا ئۆتۈپ كېتىمىز :

— «تۆت زات» (تۆت تادۇ) : 60 ، 143 ، 144 ، 145 ، 3212 ، 3725 ، 3726 ، 1053 ، 3579 ، 4631 ، 4632 ، 4633 ، 5866 ، 5867 ، 5868 ، 6006 ، 6007 ، 6008 ، 6009 ، 6010 ، 6014 — قاتارلىقلار .

— «مەڭگۈ ، مۇتلەق» (مەڭگۈ) : 833 ، 834 ، 1049 ، 1050 ، 1086 ، 1087 — قاتارلىقلار .

— «بىقرارلىق ، نىسپىيلىك» (تۇراقسىز ، يايىغ) : 399 ، 400 ، 401 ، 402 ، 403 ، 404 — قاتارلىقلار .

— «زىددىيەت» (قاراشما ، ياغى) : 144 ، 145 ،

179-بەت

696 - ، 2938 - ، 3548 - ، 3549 - ، 4226 - ، 4225 - ، 4926 - ، 4918 - ، 3550 - ، 4227 - ، 4228 - قاتارلىقلار.

  • «بىرلىك» (قوناق، ياراشۇق، ئۆزلۈك) : 434 - ، 4269 - ، 3208 - ، 3212 - قاتارلىقلار.

  • «ھەرىكەت» ، «ئۆزگىرىش» ، «دەۋر قىلىش» (ئېگىركۆ) : 126 - ، 731 - ، 734 - ، 743 - ، 744 - قاتارلىقلار.

  • «ماكان» (ئورۇن) ۋە «زامان» (ئۆتكى) : 19 - ، 1211 - ، 1213 - ، 2523 - قاتارلىقلار.

  • «ئىككى ئالەم» (ئىككى ئاژۇن) : 1147 - ، 1294 - ، 1432 - ، 1659 - ، 1663 - ، 1973 - ، 3658 - ، 3659 - قاتارلىقلار.

  • «يېڭى نەرسە» (يېڭى نەڭ) ۋە «كونا نەرسە» (ئەسكى نەڭ) : 686 - ، 687 - ، 688 - ، 689 - قاتارلىقلار بىلەن «چەكلىك» (ئۆللۈك تۆپلۈك) ، «چەكسىزلىك» (ئۆلسىز تۈپسىز) ، «قانۇنىيەت» (تۆرۈ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

«قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەبىئەت پەلسەپىسى كاتېگورىيىلىرى ئۇنىڭدىكى ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تېببىيەتچىلىك ۋە ئىجتىمائىي تېماتىكىلار بايانىدىمۇ ئۆللۈك پەلسەپىۋى رول ئوينىغان. شۇنىڭدەك، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەبىئەت پەلسەپىسى كاتېگورىيىلىرى مەدرىسە پەيلاسوپلىرىچە ھەربىر كاتېگورىيىنىڭ تەرىپ ۋە يېشىمىنى بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاساسلىق تېماتىك مەزمۇنىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان. مەسىلەن، «ئىككى ئالەم» ماكان قارشى، ئادەمنىڭ ئۆمرى (زامان) قىسقىلىقى، ئۇ چەكسىز زاماندا چەكلىك زامان قىممىتىگە ئىگە

180-بەت

ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى زامان ۋە ماكاننى — ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى نەزەردە تۇتۇپ، ياخشىلىق قىلىش، قىسقا ئۆمۈرنى ياخشىلىق قىممىتى بىلەن بېزەش لازىملىقى مەسىلىسىگە قارىتىلغان. «تۆت زات» ۋە «زىددىيەت»، «كونا نەرسە» ۋە «يېڭى نەرسە» كاتېگورىيىلىرىمۇ تىنچ، خاتىرجەم، گارمونىك ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئىجتىمائىي بەخت يارىتىش غايىلىرىنى ئىزاھلاشقا قارىتىلغان.

5. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئالەم قارىشى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى سىستېمىسىدا ئۇنىڭ پەلەكىيات (كوسمولوگىيە) قاراشلىرى كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ جەھەتتىكى بايانلىرى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالەم قاراشلىرى، ئاسترونومىيىلىك تەجرىبە جۇغلانمىسى بىلەن پتولېمېي، فارابى ۋە بىرۇنى تەلىماتلىرى، جۈملىدىن جۇڭگو، بابىلۇن — مانىزم تەقۋىمچىلىك ئۇتۇقلىرى يولىدا قەد كۆتۈرگەن، مۇتەپەككۇرغا خاس «تۆت تادۇ» قاراشلىرى ئاساسىدا ئىزچىللىققا ئېرىشكەن ۋە كلاسسىك خاراكتېر ئالغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زامان نەزەرىيىۋى كامالەت تەلەپى بويىچە پەيلاسوپ — پەلەكىياتچى ھۆكۈمالىق مەسىلىسىدە كۆرۈنگەن نامايەندە ئىدى. ئۇنىڭ پەلسەپە، ئاسترونومىيە، فىزىكا ۋە ماتېماتىكىنى توپ زات ۋە مىقدار نەزەرىيىسى بىردەكلىكى ئاساسىدا ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، بۇ جەھەتتە ھەم ئىلمىي، ھەم گۈزەل تەسۋىرى بېيىتلار يازغانلىقى بۇ ھۆكۈمىمىزنى دەلىللەيدۇ. مۇئەللىپ ئۆز كىتابىدا ئالەم ھەققىدە 150 تىن ئارتۇق بېيىت يازغان بولۇپ، پۈتۈن «قۇتادغۇبىلىك»

181-بەت

تېمىلىرى ئىچىدە 3 - ئورۇننى ، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەبىئەت ئىلملىرى تېمىسى ئىچىدە 1 - ئورۇننى ئىگىلىگەن .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالەمنى تەڭرى ياراتتى دېگەن ئومۇمەن دىنىي ، خۇسۇسەن ئىسلامىيەتچە ئىلاھىيەت قارىشىنى تىلغا ئالغان ھالدا ، نۇقتىلىق قىلىپ دۇنيانىڭ ماددىي قۇرۇلۇش مودېلى ۋە دائىمىي ھەرىكەتلىنىش قانۇنىيىتىنى سېزىپ بەرگەن . ئېيتىش مۇمكىنكى ، ئەگەر مەھمۇد قەشقىرى تىللار ۋە خەلقلەرنى گەۋدە قىلىپ ئۆز كىتابىدا «يەر سۈرىتى» خەرىتىسىنى سىزغان بولسا ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇلتۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكان ، زامان خۇسۇسىيەتلىرىنى گەۋدە قىلىپ ئۆز داستانىدا ماددىي ئالەم سىستېمىسىنى بايان قىلغان . ئۇنىڭچە ، مەيلى چوڭ دۇنيا — ئالەم ۋە مەيلى كىچىك دۇنيا — ئادەم بولسۇن ، ئۇ ھەرىكەتتىكى «تۆت تادۇ» دىن تەشكىل تاپقاندى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئالەمنىڭ ماددىيلىقىنى ، ئالەم پائالىيىتىنىڭ ماددا پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى ، كائىنات ، زېمىن ۋە ئىنساندىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق مەۋجۇدىيەتتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان توپ قانۇنىيەتنىڭ يەنىلا تۆت زات ۋە ئۇنىڭ زىددىيەتلىك — بىرلىك قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى ، جەمئىيەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۆلى يەنىلا مۇشۇ ئالەم قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل بايان قىلىپ ياكى بېشارەت قىلىپ ئۆتتى . «قۇتادغۇبىلىك» تە ئالەم تەسۋىرى يەنە خاس ئىلمىي نۇجۇملۇق قىممەتتىمۇ بايان قىلىنغان .

★

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالەم قاراشلىرى تەپەككۇر

182-بەت

بوشلۇقدا ئەركىن پەرواز قىلالىغانلىقى تۈپەيلى ئەينى زامان ئاسترونومىك قاراشلىرىنى جانلىق ئىپادىلىيەلمىدى.

ف. ئېنگېلس «تەبىئەت دىئالېكتىكىسى» (314 - بەت) ناملىق ئەسىرىدە: «كۆچمەن چارۋىچى ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى مىللەتلەر پەسىللەرنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئىلمىغا مۇتلەق موھتاج بولۇشتى» دەپ يازىدۇ. ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىلا يۇلتۇزچىلىق، پالچىلىق ئىپتىدائىي شەكىلدە كۆرۈنگەندى. دېھقانچىلىق ئاساسىي ئىجتىمائىي پائالىيەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، ئاسترو - مېترولوگىيىلىك ماقال - تەمسىللەر كۆپلەپ شەكىللەندى. شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ رەسەتخانا ئىلمى نوجۇمچىلىقى ۋە تەقۋىمچىلىك (كالبېندارچىلىق) كلاسسىك دەۋرگە قەدەم قويدى.

قىيا رەسىملىرىگە ھايۋان تەسۋىرىنى سىزىش ۋە ئۇنىڭغا ئاينىڭ تولغان ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى تولمىغان فىگۇرسىنى چېكىش، ئېھتىمال ئەڭ قەدىمكى دىنىي مۇراسىملار بىلەن باغلانغان ئىپتىدائىي كالبېندارچىلىق بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇراقلاشقان سۆز - ئىبارىلەر بىلەن ۋاقىت - مەۋسۇم ئىپادىلەش كالبېندارچىلىق فولكلورىنى شەكىللەندۈردى. «توك كەپتەر چاغ»، «تورنا كېلەر چاغ»، «ئۆردەك چېچىكى چىغى»، «كاككۇك ئۆتلىگەن چاغ»، «كەلكۈن چىغى»، «ئورما مەۋسۇمى»، «غازاڭ پەسلى»، «تورنا كېتەر چاغ»، «ئۆششۈك مەۋسۇمى» دېگەنلەر قانچە مىڭ يىللاردىن بېرى تىل ئىچىدە ساقلانماقتا. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئاي، بۇلۇت، يامغۇر، ھاۋا رايى توغرىسىدا بۇنداق مېترولوگىيىلىك فولكلور مىساللىرى كەلتۈرۈلگەن.

183-بەت

«ئورخۇن - يەنەسەي مەڭگۈ تاشلىرى» بىلەن «تۇرپان تېكىستلىرى»دە ئەنئەنىۋى ئالەم قاراشلىرى، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە ھاۋا رايى توغرىسىدا باي مەنبەلەر ساقلانغان. تومسېن بىلەن ستېيىن ئېلان قىلغان 104 بەتلىك «ئىرقى پىتىگ»دە بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ شامانلاشقان شەكىلى ئىپادىلەنگەن.

★

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ «يەتتە يۇلتۇز ۋە 12 بۇرچ بايانىدا» ناملىق پۈتۈن بابى بىلەن 1211 -، 1213 -، 2523 -، 2632 -، 3194 -، 4386 -، 4888 -، 4889 -، 6219 -، 6220 -، 6221 - بېيىتلىرىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەم ۋە يۇلتۇز، بۇرچ، ۋاقىت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى تەسۋىرلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاسمان جىسىملىرىنى ئاساسەن ئەنئەنىۋى ناملىرى بىلەن ئاتىغان. ئۇنىڭ ئالەم تۈزۈلمە مودېلىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلاش مۇمكىن:

  1. مەڭگۈ يۇلتۇزلار قارىشى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇلتۇزلارنى تۇرغۇن («سابىت») يۇلتۇزلار ۋە سەييارە («يەزەك») يۇلتۇزلار — پىلانېتلارغا ئاجراتقان. ئۇ قۇياشنى، يەتتىكەن (چوڭ ئېيىق) يۇلتۇز تۈركۈمىنى، يىلدىرىق (بۆرى، سىرىئۇس) يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە 12 بۇرچتىكى يۇلتۇز ئائىلىلىرىنى مەڭگۈ يۇلتۇزلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىگە بېشارەت قىلغان.
  2. يەتتە يۇلتۇز ۋە يەتتە پەلەك قارىشى
184-بەت

«ئۇيغۇرچە تۇرپان تېكىستلىرى»دە، يەتتە يۇلتۇز «يەتتى گراخلار» دەپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامى مانىخ (مانىزم) ئاسترونومىيىلىك ئاتالمىسى بويىچە «ئادىتىيا، سوما، ئاڭراق، بۇدبراخ، سۇۋاتى، شۈكۈر، شانىجار يەتتى گراخلار» دەپ يېزىلغان. مانىزمىنىڭ نوملىرىنى «يەتتى ئاغلىغ نوملار»، «يەتتەگەن سۇدۇر» دەپ ئاتاشقانىدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «يەتتى قات كۆك» تىلغا ئېلىنغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانى مۇنداق:

بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەبەنتەر يۈرەر ئىككى يىل سەكىز ئاي بىر ئۆدە قالار [بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەبەنتەر تۇرۇر، ئىككى يىل سەكىز ئاي بىر بۇرۇجدا قالۇر.] ئانىڭدا باسا بولدى ئىكىنچ ئوڭاي بىر ئۆدە قالار ئون ئادىن ئىككى ئاي [ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي، قالۇر بىر بۇرۇجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي.] ئۈچۈنچى كۈرۈد كەلدى كۆكسۈن يۈرەر قايۇقا بۇ باقسا ياشارمىش قۇرۇر [ئۈچۈنچى كۈرۈدۈر غەزەپتە يۈرۈر، قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر.] ياشۇق بولدى تۆرتىنج يارۇتتى ئاجۇن يېقىنسا يارۇتۇر باقىنسا ئۆزۈن [تۆتىنچى قۇياشتۇر، يورۇتار جاھان، يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.] سەۋۈك يۈز ئورۇندى بەشىنچى سەۋىت سەۋە باقتى ئەرسە سەن ئۆزنى ئاۋىت

185-بەت

[بەشىنچى سەۋىتتۇر، سۆيۈملۈك ئۆزى، ئۇ باقسا كۆرۈرسەن خوشاللىق يۈزى.] باسا كەلدى ئارزۇ تىلەك ئارزۇلار قايۇقا ياغوشسا ئاڭار ئۆز ئۇلار [ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ كېلەر، ئۇ كىمگە يوقۇشسا، تىلەككە يېتەر.] بۇلاردان ئەڭ ئاستىن بۇ يالچىق يۇرۇر ياشىق بىرلە ئۆترۇ باقىنشا تۇرۇر [بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق تۇرار، قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن بولار.]①

يۇقىرىقى بېيىتلارغا ئاساسەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يەتتە يۇلتۇز تىزىمىسى ۋە يەتتە پەلەك قارىشىنى زېمىننى مەركەز قىلغان ھالدا مۇنداق سىخېمىلاش مۇمكىن: (1) يالچىق (ئاي، قەمەر، سوما) (2) ئارزۇ (مېركۇرى — ئوتارد، بودبارا، سۇ يۇلتۇز) (3) سەۋىت (ۋېنېرا، زۆھرە، ناھىد، شۈكۈر، ئالتۇن يۇلتۇز) (4) ياشىق (قۇياش، شەمس، ئادتىيا) (5) كۆرۈد (مارس، مېرىخ، ئاڭراق، ئوت يۇلتۇز) (6) ئوڭاي (يۇپىتېر، ساراتى، ياغاچ يۇلتۇز) (7) سەھەنتەر (ساتۇرن، شانقار، تۇپراق يۇلتۇز)

يەر بىلەن ئاي ئارىلىقى 1 - پەلەك (سەفىرا)، ئاي بىلەن مېركۇرى ئارىلىقى 2 - پەلەك، مېركۇرى بىلەن ۋېنېرا ئارىلىقى 3 - پەلەك، ۋېنېرا بىلەن قۇياش ئارىلىقى 4 - پەلەك، قۇياش

① «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 131 - 137 - بېيىتلىرىغا قارالسۇن.

186-بەت

بىلەن مارس ئارىلىقى 5 - پەلەك ، مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىلىقى 6 - پەلەك ، يۇپىتېر بىلەن ساتۇرىن ئارىلىقى 7 - پەلەك دەپ قىياس قىلىنغان① . بۇنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن :

7 ساتۇرىن 6 يۇپىتېر 5 مارس 4 قۇياش 3 ۋېنېرا 2 مېركۇرى 1 ئاي يەر

① ئەينى يىللاردىكى بۇ خىل قاراش پۈتكۈل خەلىقلىككە ئورتاق بولغان ، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى ، نىزامى ، خۇسراۋ دېھلەۋى ، ئابدۇراھمان جامى ۋە ئەلىشەر نەۋائى « خەمىسە » لىرىدە سۆزلەنگەن يەتتە يۇلتۇز ، يەتتە گۈلشەن تەسۋىرىدىمۇ شۇ خىل قاراش گەۋدىلەنگەن . فارابىمۇ بىر شېئىرىدا : « يەتتە يۇلتۇز كائىناتتا مەنبىيى نۇر رەببىنا ، مىسلى كۆكتە يەتتە دەريا تىنىمسىزدەك دائىما ، ھەر بىرى سەييارىنىڭ سامائى بىر ئامىل ئۇناپ ، ماددا - جەۋھەر خىسلىتى بىر ئەسلى ھەم جەھدۇر ئاڭا . »

دەپ يازغان . يەتتە يۇلتۇز قارىشى يەتتە ئامىل قارىشى بىلەن بىرلىشىپ ، ياپونىيە كالېندارىغا تەسىر كۆرسەتكەن . ياپونىيىدە بىر ھەپتە يەتتە كۈن يەتتە يۇلتۇز بويىچە : قۇياش ( يەكشەنبە ) ، ئاي ( دۈشەنبە ) ، ئوت - مارس ( سەيشەنبە ) ، سۇ - مېركۇرى ( چارشەنبە ) ، ياغاچ - يۇپىتېر ( پەيشەنبە ) ، ئالتۇن - ۋېنېرا ( جۈمە ) ، تۇپراق - ساتۇرىن ( شەنبە ) كۈنلىرىنى تەشكىل قىلغان .

187-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ زامان ئاسترونومىيىلىك چۈشەنچىسى بويىچە ھەرقايسى سەييارە يۇلتۇزلارنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىكى ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئورۇن يۆتكەش جەھەتتىكى ۋاقىت پەرقىلىرىنى تىلغا ئالغان؛ مارسنى قورغاق ۋە ئاپەت خاراكتېرلىكلىكى بىلەن ئىزاھلىغان؛ ئاي تولۇش ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كۆز قاراشلار ھازىرقى زامان ئاسترونومىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدىغان بولۇشىغا قارىماي، ئاسمان ھەققىدىكى روھانىيەتلىك كۆز قاراشلارغا زىت ھالدا ئوتتۇرا ئەسىر ئىلغار تەبىئەت كۆز قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان ئىدى .

3) يەر، قۇياش ۋە ئاي قارىشى

ئاي بىلەن كۈن كۆك تەڭرى ئېتىقادىدىكى ئىلاھىي قۇۋۋەت ھېسابلاناتتى. «قۇتادغۇبىلىك» (44 - بېيىت) «يەر، ياشىل كۆك» ئاي، كۈن ۋە يۇلتۇزلۇق ئاسمان بىلەن يەر - سۇنى مەنىۋى - مۇسبەتلىك ئىلاھىي كۈچ دەپ قارىغان قەدىمكى ئەنئەنىلەر بىلەن ئالاقىدار ئىدى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەدىمكى ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يەر، قۇياش ۋە ئاي توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنى يېڭى كلاسسىك مەزمۇن بىلەن ئۆزگەرتىپ قايتا قۇردى. ئۇ ئۆز داستانىدا ھەقىقەتەن بۇ ئۈچ پەلەكىيات ساھەسىگە ئالاھىدە، ئايرىمچە كۆڭۈل قويدى ۋە خاس بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بېيىتلىرىغا قارىغاندا، زېمىن پەلەكنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، باشقا يۇلتۇزلارغا ئوخشاش دەۋر قىلاتتى . ئۇ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن بىللە ئېقىپ كىرگەن يۇلتۇزلار ئالەم گۈمبىزىدىكى يالتىراق مىخلار ياكى پەرىشتىلەر تۈندە سانچىپ كۈندۈزدە ئېلىۋېتىدىغان شام چىراغلار دېگەن

188-بەت

قاراشقا خاتىمە بېرىپ، ئالەمنىڭ ئايلانما ( « ئۆرۈلمە » ) دەۋر قىلىش ( « تەزكىنمەك » ) شەكىلدىكى سەپەرلىك ھەرىكىتىنى، ھەممە يۇلتۇزلارنىڭ، جۈملىدين يەرنىڭمۇ بۇ سەپەرلىك ھەرىكەتتىن خالىي ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۇلارنىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىنى بېشارەت قىلدى. ئۇ داستاننىڭ 126 - بېيتىدا مۇنداق يازغانىدى:

ياراتتى كۆك ئۆزۈن① تۈچى ئۆرۈلۈر ئانىڭ بىرلە تەزگىنچ يەمە تەزگىنۈر [ياراتتى چەرخ پەلەك دائىم ئايلىنۇر، تەقدىرمۇ ئۇ بىلەن بىللە چۆرگىلۈر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇياشنى يۇلتۇز قاتارىدا ئالاھىدە ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە داستاننىڭ 134 -، 825 -، 827 -، 829 -، 831 -، 833 -، 834 - بېيىتلىرىدا مۇنداق تەپسىلات بەرگەن:

ياشۇق بولدى تۆرتىنج يارۇتتى ئاجۇن ياقىنسا يارۇتۇر باقىنشا ئۆزۈن [تۆتىنچى قۇياشتۇر، يورۇتار جاھان، يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.] كۈنۈگ كۆر ئۆرۈلمەز تولۇ ئوق تۇرۇر يارۇقلۇقى بېرتەگ تالۇ ئوق تۇرۇر [قارا، كۈن ئۆرۈلمەس — ھەمىشە پۈتۈن، يورۇقى بىردەكلا ۋە پارلاق تولۇن.]

① ئۆزۈن — سەپەر، ئايلانما چەرخ مەنىسىدە، تەزگىنچ — تەقدىر — قىسمەت مەنىسىدە بولغاچقا «يېشەمە»دىكى «پەلەك» ۋە «ھايات» ئىبارىلىرىنى ئەسلى مەنىسى بىلەن تۈزىتىپ ئالدىم — ئاپتور.

189-بەت

ئىككىنچى توغار كۈن يارۇر بۇ ئاجۇن تۈزۈ خەلققا تەگرۈر يوقالماس كۆزۈن [ئىككىنچى، توغار كۈن، يورۇر بۇ جاھان، ئومۇمغا چاچار نۇر، كېمەيمەس ھامان.] ئۈچۈنچى بۇ كۈن تۇغسا يەركە ئىسىگ چەچەك يازلۇر ئاندا تۈمەن مىڭ تۈسىگ [ئۈچۈنچى، ئىسسىيدۇ يەر، توغقاندا كۈن، چېچەك ئېچىلۇر ئاندا تۈمەن مىڭ تۈسۈن.] توغار كۈن ئارىغ يا ئارىغسىز تېمەز قامۇغقا يارۇقلۇق بېرۈر ئەكسۈمەز [توغار كۈن ئېرىغ ئېرىغسىز دېمەس، ئومۇمغا يورۇقلۇق بېرىر كېمەيمەس.] يانا ما بۇ كۈن بۆرجى سابىت تۇرۇر بۇ سابىت تەدۈكۈم تۈبى بەرك بولۇر [يەنە بۇ بۆرجى كۈننىڭ ئۇ سابىت تۇرۇر، بۇ سابىت دېگىنىم تۈۋى چىڭ بولۇر.] بۇ كۈن بۆرجى ئارسلان بۇ بۆرج تەپرەمەز ئۆيى① تەپرەمەزى ئۈچۈن ئارتاماز [بۇ كۈن بۆرجى ئارسلان، بۆرجى تەۋرىمەس، چەرخى تەۋرىمىگەچ ئۆيى بۇزۇلماس.]

دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇياش ھەققىدە «كۈنتۇغدى» ئەنئەنىۋى قاراشلارغا خاتىمە بەرگەن ھالدا يېڭىچە ئاسترونومىيىلىك ئىزاھات بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرى مۇنداق:

بىرىنچى، قۇياش يەتتە يۇلتۇز ئارىسىدا ئوقلۇق ئورۇنغا، مەركىزىي ئورۇنغا، باشقىچە ئېيتقاندا مەركىزىي پەلەك

① بۇنىڭدىمۇ «يەشمە» گە ئەسلى بويىچە تۈزىتىش بېرىلدى — ئاپتور.

190-بەت

سېپىرىسى ئورنىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ يۇلتۇز، ئاستىغا ئۈچ يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىككىنچى، قۇياش باشقا پىلانېتلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۆز ئورنىدا مۇقىم (سابىت)، تەۋرەنمەس قىلىپ بېرىلگەن. ھەم مەركىزىي ئورۇندا، ھەم تەۋرەنمەس بولغان قۇياشنىڭ يەرنى دەۋر قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى بېشارەتلەنگەن.

ئۈچىنچى، قۇياشنى ئايدەك ئۆز ھەجىمى ئۆزگەرمەس، پارچىلانماس، ھەمىشە ئوخشاشلا پۈتۈن دەپ تىلغا ئالغان.

تۆتىنچى، قۇياشنى نۇر مەنبەسى دەپ كۆرسىتىش بىلەن، نۇرىنى ھەم ھەممە يەرگە (جاھانغا) تەگشى ۋە دائىمىي دەپ خاراكتېرلەنگەن. بۇ نۇقتا قالغان پىلانېتلاردا تىلغا ئېلىنمىغان.

بەشىنچى، قۇياشنى ئىسسىقلىق مەنبەسى دەپ كۆرسىتىش بىلەن، ئىسسىقلىقنى ھەممە تەرەپكە ھەم تەگشى، ھەم دائىمىي بىردەك دەپ كۆرسەتكەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇياش قارىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى، گېلىئوسېنتىرىزملىق قاراشتىن ئىلگىرىكى قۇياش گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئەڭ ئىلغار قاراش دېيىشكە بولىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاي توغرىسىدا ئۆز داستانىنىڭ 137 ، 731 ، 733 ، 743 ، 744 بېيىتلىرىدا مۇنداق يازغان:

بۇلاردىن ئەڭ ئالتۇن بۇ يالقۇن يۇرۇر ياشۇق بىرلە ئۆترۈ باقىشسا تولۇر [بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالقۇن تۇرار، قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن بولار.] بۇ ئاي توغسا ئاشنۇ مۈدى ئاز توغار كۈننىڭ بېدۈيۈر يوقارۇ ئاغار [ئاي ئاۋۋال تولىمۇ كىچىك تۇغۇلۇر، كۈندىن - كۈن چۆگىلەپ يوقىرى چىقىدۇر.]

191-بەت

تۆكەل بولسا كۆرك ئاي بۇ ئاغسا ئەدىز يانا ئۆرلىگۈ تۇرچېر كەتەر كۆرۈك مەڭىز [ تولۇن ئاي ئېگىزگە ئۆرلەگۈچ، كېيىن - كېمىيىپ ئاستا، كۆرۈكى كېتەر يۈزىدىن . ] بۇ ئاي ئورنى بولدى ئەۆى مۇتەقەلپ ئورۇنسۇز بولۇر مۇتەقەلپ نەڭ قېلىپ [ بۇ ئاينىڭ ئۆيى ھەم ئورنى مۇتەقەلپ، مۇتەقەلپ قالۇر ئۆيسىز ئاخىر بېرىپ . ] بۇ ئاي بۇرجي سەرتان بۇ ئەۆ ئۆرىلۇر ئەۆى ئۆرىلۇر ھەم ئۆزى چەۆرىلۇر [ بۇ ئاي بۇرجي سەرتان، بۇ بۇرچ ئۆزگىرۈر، ئۆيى ئۆزگىرۈر ھەم ئۆزى چۆرگۈلۈر . ]

يوقىرىقىلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاينى زېمىننىڭ ئەڭ يېقىن يەزەكى (دەمكەش) دەپ ئاتىغان؛ ئونى مۇقىمسىز، شەكىلنى ۋە ئۆز ئورنىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان، ئۆزى دائىم چۆرگىلەپ يۈرىدىغان يۇلتۇز دەپ كۆرسەتكەن؛ ئونى يورۇقى ۋە ئىسسىقى يوق، پەقەت قۇياشقا ئۇدۇل كەلگەندە تولۇپ نۇرلىنىدىغان يۇلتۇز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىشارەت، ئەلۋەتتە .

4) 12 بۇرچ ۋە تۆت پەسىل قارىشى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇياش ۋە سەييارىلەر دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى مەڭگۈلۈك يۇلتۇزلار تۈركۈملىرى ۋە ئۇلارنىڭ يەرگە بولغان مۇناسىۋىتىدىن ھاسىل بولغان 12 بۇرچ، تۆت پەسىل توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ بۇ كۆز قارىشى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ ھەرقايسى پەسىللەر ئىچىدە كۆزگە روشەن كۆرۈنۈشكە ئاساسلانغان بولۇپ، تولىمۇ ساددا خاراكتېر ئالغانىدى . «قۇتادغۇبىلىك» تەك

192-بەت

12 بۇرچ مۇنداق كۆرسىتىلىدۇ:

ئون ئىككى ئۆكەك ئول بولاردا تادىن قايۇ ئىككى ئەۋلۈگ قايۇ بىر كە ئىن [ئون ئىككى بۇرچ باردۇر بولاردىن بۆلەك، جۈپ ئۆيلۈك بەزىسى ۋە بەزىسى يەك.] قوزى يازغى يۇلتۇز باسا ئۇد كەلەر تەرەنتەر قۇچىق بىرلە سانچۇ يۈرەر [قوزى يازغى يۇلتۇز، كېيىن ئۆي كېلۇر، جەۋزا بىلەن سەرەتان تۇرتۇشۇپ يۈرۈر.] كۆر ئارسلان بىلە قوشنى بۇغداي بېشى باسا ئۆلگۈ بولدى چادان يا ئېشى [ئەبرۇر قوشنا بۇغداي بېشى، ئارسلان، كېلەر ئارقادىن قەۋەس، ئەقرەب، مىزان.] باسا كەلدى ئوغلاق كۆنەك ھەم بېلىق بولار توغدى ئەرسە يارۇدى قالىق [كېلەر ئاندىن ئوغلاق، سوغا ھەم بېلىق، تۇغۇلسا بولار كۆك بولغۇسى يورۇق.] ئۈچى يازغى يۇلتۇز ئۈچى يايقى بىل ئۈچى كۈزكى يۇلتۇز ئۈچى قىشقى بىل [ئۈچ يۇلتۇز باھارنىڭ، ئۈچى يازغىدۇر، قىشنىڭدۇر ئۈچىسى، ئۈچى كۈزگىدۇر①].

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كۆرسىتىشىچە، 12 بۇرچتىن تۆت پەسىل ھاسىل بولىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە كۆرسىتىلگەن يەتتە يۇلتۇز بىلەن 12 بۇرچ («ئۆكەك») نى ھاسىل قىلىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە خەلقئارا

① «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 138 - 142 - بېيىتلىرى.

193-بەت

ئاسترونومىيىلىك سېلىشتۇرما ناملار تۆۋەندىكىچە:

يەتتە يۇلتۇز: سەكەنتەر (ئىسكەندەر، قوچۇق) — زوھەل — ساتورن سەييارىسى؛ ئوڭاي (قاراقۇش) — مۇشتەرى — يۇپىتېر سەييارىسى؛ كۆرۈد — مىرىخ — مارس سەييارىسى؛ ياشۇق — قۇياش؛ سەۋىت — زۆھرە (ناھىد) — ۋېنېرا سەييارىسى؛ ئارزۇ — ئوتارۇد — مېركۇرى سەييارىسى؛ يالچىق — ئاي.

باشقا يۇلتۇزلار: يەتتەكەن (قاراقچى) — چوڭ ئېيىق يۇلتۇزى؛ يىلدىرىق — سىرىئۇس (بۆرى) يۇلتۇزى.

باھار پەسلىدە: قوزا — ھەمەل — ئوۋىتېس (♈) — 牡羊宫؛ ئۇي — سەۋر (ئۆكۈز) — تېلېتېس (♉) — 金牛宫؛ ئەرەندىز (قوشكېزەك) — جەۋزا — بېلىزنىتېس (♊) — 双子宫؛

ياز پەسلىدە: قوچۇق — سەرەتان — راك (♋) — 天蟹宫؛ ئارسلان — ئەسەد — لېۋ (♌) — 狮子宫؛ بۇغداي بېشى — سۇنبۇلە — دېۋا (♍) — 处女宫؛

كۆز پەسلىدە: يا — قەۋس — ستېرېلىتېس (♐) — 人马宫؛ چايان — ئەقرەب — سكورپىئون (♏) — 天蝎宫؛ ئۆلگۈ — مىزان — ۋېسى (♎) — 天秤宫؛

قىش پەسلىدە:

194-بەت

ئوغلاق — جەدى — كوزېروگ ( ♑ ) — 磨羯宫 ؛ سوغا (كۆنەك) — دەلۋ — ۋودولېي ( ♒ ) — 宝瓶宫 ؛ بېلىق — ھوت — رېبى ( ♓ ) — 双鱼宫 ؛

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ 12 بۇرۇجنى داستانىنىڭ 143 - بېيىتىدا تۆت زات ئاساسىدا ئىخچاملاپ، ئاسمان جىسىملىرى ۋە زېمىندىكى جىسىملارنى ئوخشاش سۈپەتلەشتۈرگەن. ئۇ مۇنداق يازغانىدى:

ئۈچى ئوت ئۈچى سۇ ئۈچى بولدى يەل ئۈچى بولدى تۇپراق ئازۇن بولدى ئەل [ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت، ئۈچى تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.]

بۇنى تۆت زات، تۆت خۇسۇسىيەت، تۆت پەسىل بويىچە مۇنداق سىخېمىلاشتۇرۇش مۇمكىن:

ھاۋا . باھار پەسلى ئوت . ياز پەسلى سۇ . كۈز پەسلى تۇپراق . قىش پەسلى شامال شەرىق جەنۇب غەرب زېمىن

  1. قوزا
  2. ئۆكۈز
  3. ئىككىزەك
  4. قىسقۇچپاقا
  5. ئارسلان
  6. سۇنبۇلە
  7. تارازا
  8. چايان
  9. ئوقيا
  10. ئوغلاق
  11. كۆنەك
  12. بېلىق
195-بەت
  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاستروماتېماتىكىلىق قارىشى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالەمنى ماددىي تۈزۈلمە دەپ قارىغاچقا، ئۇ داستانىنىڭ 4383 - ، 4384 - بېيىتلىرىدا «ئىككى دۇنيا ئىشى ھېساب بىلەن بولۇر» ، «ھېساب بۇزۇلسا دۇنيا بۇزۇلۇر» دېيىش بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىدە ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدى. ئۇ نىسپىي مەنىدە پىفاگورنىڭ ئالەمنىڭ مىقدارنى نېگىز قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا پائال يانداشقاندى. ئۇ شۇڭا داستاننىڭ 4376 - ، 4377 - بېيىتلىرىدا ئىلمىي نۇجۇمنىڭ ئېنىقچە ھېساباتلىق ئىلىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالسا، 4381 - بېيىتىدا «يەتتە قات پەلەكنى بىر تال چۆپتە تۈت» دەپ كۆرسەتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇلتۇزلارنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىكى يۇقىرى - تۆۋەن جايلىشىشى، غۇۋا - روشەنلىكى، مۇقىم ياكى يۆتكىلىشچان بولۇشى ياكى سەييارىلىقى، جۈپ ياكى تاق ئائىلە («ئۆي» ، «ئەو») ھاسىل قىلىشى ۋە بۇرۇجتا كۆرۈنۈشىنى ھېسابى بولغان ھادىسە دەپ قارىدى. ئۇ ساتۇرن بىلەن يۇپىتېرنىڭ يىللىق ئايلىنىش دەۋرىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ساتۇرننىڭ بۇرۇجتا تۇرۇشىنى ئىككى يىل سەككىز ئاي، يۇپىتېرنىڭ بۇرۇجتا تۇرۇشىنى 12 ئاي دەپ كۆرسەتكەن. بۇنى يەر شارىدىن 1 مىليارد 300 مىليون ۋە 620 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ پىلانېتلار ئۈستىدىكى ھازىرقى ھېسابقا سېلىشتۇرغاندا ساتۇرننىڭ ئۈچ ئاي، يۇپىتېرنىڭ يېرىم ئاي پەرق چىققان، خالاس. بۇ ئەينى زامان شارائىتىدا قالتىس ئاستروماتېماتىكىلىق مۆجىزە ئىدى!

«قۇتادغۇبىلىك» تە تىلغا ئېلىنغان ئالەم قاراشلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرىنى چۈشىنىشتە

196-بەت

مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىلمىي نۇجۇم ۋە ئالەم تۈزۈلۈمىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى چۈشىنىشتىمۇ تېپىلغۇسىز مەنبەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

6. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىلاھىيەت قارىشى

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئىلاھىيەت كىتابى، قۇتقۇزغۇچى ياكى ئالەم ياراتقۇچى ھەققىدىكى دىنىي ئەسەر ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنتۇق. لېكىن تېماتىك ماۋزۇ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، بۇ كىتابتا ئىلاھىيەت تىلغا ئېلىنغان ۋە مۇئەللىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كلاسسىك پەلسەپىگە ئوخشاش تەبىئەت (فىزىكا)، ئىلاھىيەت (مېتافىزىكا) تەرتىپى بويىچە ئىزاھات بېشارەت قىلغان.

«قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئىلاھىيەت قاراشلىرىنى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە مۇنداق ئىزاھلىماقچىمىز:

  1. گەرچە «قۇتادغۇبىلىك» بىلىم ۋە «خالايىق قۇتى» (ئىجتىمائىي بەخت - سائادەت) كىتابى بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇئەللىپى ئىسلامىيەت گۈللەنگەن دەۋردە ياشىغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆز ئەسىرىنى ئەينى زامان كىتابچىلىق قائىدىسى بويىچە تەڭرىگە مەدھىيە ئوقۇشتىن باشلىغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۆز ئېتىقاد جەھەتتىنمۇ مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ياراتقۇچى ۋە بىردىنبىر تەڭرى ئاللا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئاللانىڭ ئەلچىسى («يالۋاچ»)، دەۋەتچىسى («ئوقۇچى» ، «ساۋچى») ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ئىشەنچ بىلدۈرگەن، پىكىر مۇھاكىمىلىرى ھەم ھايات يولى زىددىيەت ۋە تېگىشقا دۇچ كەلگەندە، ئاللاغا سۆيۈنۈش بىلدۈرگەن. ئۇ
197-بەت

داستاننىڭ 3 بېيتىدا مۇنداق يازىدۇ:

ياغز يەر ياشىل كۆك كۈن ئاي بىرلە تۈن تۆرۈتتى خەلەيىق ئۆد ئۆدلەك بۇ كۈن [قوڭۇر يەر، يېشىل كۆك، كۈن، ئاي بىرلە تۈن — ياراتتى زامان، ۋاقىت، مەخلۇق ۋە كۈن.]

  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەڭرى بىلەن تەبىئەتنى بىرىنى ئەلا، بىرىنى پەس بىلىپ، ئۇلارنى بىر بىرىگە زىت قويىدىغان يېڭى پلاتونىزم ۋە كالانىزملىق قاراشلار بىلەن، تەڭرى ۋە تەبىئەتنى پاراللىل ئىككى مەنىيە قىلىپ كۆرسىتىدىغان دۇئالىزملىق قاراشلاردىن روشەن پەرقلىق ھالدا، تەڭرىنى تەبىئەت ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەڭرى ئىرادىسىنى تەبىئەت گارمونىيىسى ۋە تەبىئەت قانۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالەم بىنا قىلىشنى تۆت زات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزاھلىغان. بۇ «ۋەھدەت ۋۇجۇد» (مەۋجۇتلۇقنىڭ بىردەكلىكى) — پانتېئىزملىق تۈپ قاراش ئىدى.

بۇنىڭ بىرىنچى قاتلىمى «تۆت تادۇ» بولۇپ، تۆت زات تەڭرىنىڭ ئالەم بىنا قىلىشى ۋە بىنا قىلىنغان ئالەمنى تۆت زاتنىڭ خاراكتېر ۋە خۇسۇسىيەتلىرى «ئاپتونومىيىسى» گە تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ماددىي ئاساسى ئىدى. شۇڭا، مۇنداق ماددىي ئاساسسىز ئالەم بىنا قىلىش ھەققىدە سۆز ئېچىش قىيىن ئىدى.

بۇنىڭ ئىككىنچى قاتلىمى شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ زامان جەھەتتە ئىپتىداسى ۋە ئىنتىھاسى (باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش) يوقلۇق ۋە مەڭگۈلۈك بىلەن، مىقدار جەھەتتە ماكان ئۆلچىمى ۋە چېكى بولمىغان ئومۇمىي چېكسىزلىك ۋە مۇتلەقلىقنى ھەم تەڭرىنىڭ، ھەم تەبىئەت ئالىمىنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى دەپ قارىدى. بۇ ھەقتە قەييۇم تۇردىيوف «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۆزبېكچە نۇسخىسىغا يازغان مۇقەددىمە ماقالىسىدە

198-بەت

مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پانتېئىزمچىل تەلىماتىغا كۆرە، تەڭرى پۈتۈن تەبىئەت بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، تەبىئەتتىن تاشقىرى قانداقتۇر روھىي قۇدرەت مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى تولىمۇ ئىدېئالىستىك قاراشقا نىسبەتەن بىرئاز ئىلغارلىققا ئىگە، ئۇنىڭدا ماتېرىيالىستىك چۈشەنچىنىڭ ئۇندۇرمىلىرى ساقلانغانىدى»①. داستاننىڭ 10 - ، 8 - بېيىتلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

سەنسىكسىز بىر ئۆك سەن ئەي مەڭگۈ ئاچۇ قاتىلماز قارىلماز ساقىشقا ساچۇ [گۇمان يوقكى، بىر سەن، ئەي مەڭگۈ خۇدا، ئۆزۈڭ ھەر نىچۈك سان - ساناق سىرتىدا.] ئايا بىر بىرىكمەز ساڭا بىر ئادىن قامۇغ ئاشنۇدا سەن سەن ئوڭدۇن كىدىن [ئەي بىر سەن، بىرىكمەس ساڭا باشقا بىر، بۇرۇن سەن جىمدىن، جىمدىن ئاخىر.]

داستاننىڭ 19 - بېيىتىدا تەڭرى چۈشەنچىسىنى تەبىئەتنىڭ مۇتلەق كاتېگورىيىسى بولغان ماكانغا بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق تەرىپلىنىدۇ:

ئۇرۇن ئول تۆرۈتتى ئۇرۇن يوق ئاڭار تەڭسىز ئۇرۇن يوق پۈتۈن بول مۇڭار

199-بەت

[ ئورۇن ئول ياراتتى، ئورۇن يوق ئاڭا، ئونگسىز ئورۇن يوق، ئىشەنگىن بۇڭا. ]

شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى، مۇئەللىپ ئۆز داستانىنىڭ 20 - بېيىتىدا تەڭرى ئارقىلىق تەبىئەتنى ئىسپاتلاش يولىنى ئەمەس، بەلكى تەبىئەتتىكى بارلىق رېئال مەۋجۇدىيەتلەر ئارقىلىق تەڭرىنى ئىسپاتلاش يولىنى تۇتقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

ئاي سىرتقا ياقىن ئاي كۆڭۈلكە ئەدىز تانۇق ئول ساڭا بارچە سۈرەت بەدىز [ئەي سىرتقا يېقىن، ئەي كۆڭۈلگە ئەزىز، گۇۋاھدۇر ساڭا بارچە سۈرەت تەز. ]

بۇنىڭدىكى ئۈچىنچى قاتلام شۇكى، تەڭرىنى تەبىئەتتىكى زىددىيەتلىك قۇتۇپ ۋە ھادىسىلەرنى، بولۇپمۇ ئالەمنىڭ ئاساسى بولغان تۆت زات ۋە ئۇنىڭ تۆت خۇسۇسىيىتىنى بىر-بىرىگە ( « تۈزلى » ) ، گارمۇنىيىلىك ( « ياراشقلىق » ) ، قانۇنىيەتلىك ( « تۈزلى » ) ھالەتكە كەلتۈرگۈچى، ئىشقا سالغۇچى دەيدىغان تەبىئەت ئىلاھچىلىقى نۇقتىئىنەزىرىدىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەتتىكى مۇقرەرلىكنى ( مەسىلەن، تۇغۇلماقتىن ئۆلمەكلىكنىڭ مۇقرەرلىكىنى، تۆت زات ۋە تۆت سۈپەت نورماللىقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېسەللىك ياكى ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ۋە ھەرقايسى پەسىللەر ئالمىشىشىنىڭ مۇقرەرلىكىنى ) تەڭرى سۈپىتىدە ئىزاھلىغانلىقىمۇ تەڭرى بىلەن تەبىئەتنى بەلگىلىك دەرىجىدە بىر-بىرىگە قارىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شائىر ئۆز داستانىنىڭ 6343 - ، 6344 - بېيىتلىرىدىن تەشكىل تاپقان

200-بەت

رۇبائىيىسىدە پىغاننىڭ كۈلكىگە، قايغۇنىڭ خۇشاللىققا ئالمىشىشى ئۈستىدە سۆزلەپ، ئۆلۈمنى ئالەم قانۇنىيىتى سۈپىتىدە مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

نەچچە قايغۇ ساقىنچ سېنى بولناسا يانا ئوق كۈلەر كۆز نەچچە يىغلاسا ئازۇن ئۈندىسى بۇ تەلەمدە بەرۇ ئەسەز ئەدگۈ ئەرتەر نەچچە يىللاسا [سېنى قانچە قىلسا ئەسىر قايغۇ — غەم، كۈلەر بۇ كۆزۈڭ، يىغلىسا قانچە ھەم. جاھان قانۇنى شۇ ئۆزۈندىن بۇيان، ئۆتەر قانچە تۇرسا ھەم ياخشى — يامان.]

مۇنداق ئىدىيە «كۆلتېكىن ئابىدىسى»دە زامان بىلەن تەڭرىنى پاراللىللاشتۇرغان تەرىزدە: «ئۇد تەڭرى ياشار، كىشى ئوغلى قوپ ئۆلگەلى تۆرەمىش (زامان — تەڭرى ئۆلمەس، ئادەم بالىسى ئۆلىدۇ) » دەپ يېزىلغانىدى.

  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەڭرىنى شەكىل جەھەتتە ئىنسان قىياپىتىدىكى، ئىقتىدار جەھەتتە ئىنساندىكى ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ يۇقىرى كامالەتتە ئىگىلىگۈچى تەنھا روھى مەۋجۇدات دەپ قارايدىغان ئانتروپومورفىزملىق [10] ۋە كالامىزملىق «ئىلمۇل سۈپەت» قاراشلىرىدىن مۇئەييەن پەرقلىق ھالدا مۇتەزىلىزملىق، ھەتتا پانتېئىزملىق كۆز قاراشنى ئىپادىلىدى. شائىر ئۆز داستانىنىڭ 17 -، 28 - بېيىتلىرىدا تەڭرىنىڭ ھېس - سېزگۈ ۋە تەەسسۇۋۇر ئىقتىدارىدىن خالىي، باشقىچە ئېيتقاندا، روھى ئىقتىداردىن خالىلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ۋەھالەنكى، سېزگۈ، ھېس ۋە تەەسسۇۋۇر ھەرقانداق بىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:
201-بەت

يورىماس نە ياتماس ئۈدۈلماز ئۈدۈغ نە مەڭزەگ نە ياڭزاغ كۆتۈرمەز بودۇغ [ ئۇ يۆرمەس، ئۇ ياتماس، ئويغاق، ئۇخلىماس، ئۆڭىدىن يىراقتۇر تەسەۋۋۇر - قىياس. ] ئەي مۇڭسۇز ئىدىم سەن بۇ مۇڭلۇغ قۇلۇغ سۆيۈرقاپ كۆچۈرگىل يازۇقۇن قامۇغ [ بۇ مۇڭلۇغ قۇلۇڭنى، ئەي مۇڭسۇز ئىگەم، كەچۈرگىن گۇناھىنى ئەيلەپ كەرەم. ]

مەلۇمكى، فىيېرباخ «بەخت - سائادەت ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە: «قەيەردە ھېس - تۇيغۇ بولمىسا، شۇ يەردە بەخت ۋە بەختسىزلىك، خوشاللىق ۋە مۇڭ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ پەرقى بولمايدۇ. شۇ يەردە ئەخلاقمۇ بولمايدۇ»① دەيدۇ. ئۇ «خرىستىئان دىنىنىڭ ماھىيىتى» ناملىق كىتابىدا تېخىمۇ روشەن ھالدا: پەقەت ھېسسىيات ئىنىكار قىلىنىدىكەن، تەڭرىمۇ ئىنىكار قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەڭرىنى قايغۇ - مۇڭ قاتارلىق ھېسسىياتتىن خالى بولغان مۇتلەق ۋە بىردىنبىرلىككە ئىگە چەكسىز مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە ئىزاھلىشى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بىر ئىلگىرىلىك ئىدى.

ئەلبەتتە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، پلاتوننىڭ تەڭرىنى مۇتلەق «ئىدىئال چۈشەنچە»، تەبىئەتنى ئۇنىڭ شولىسى، سۈرىتى دەيدىغان ئوبيېكتىپ ئىدىئالىزملىق كۆز قاراش ئاسارەتتىن چىقىپ كېتەلمىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، داستاننىڭ 4781 - بېيىتىدا تەڭرىنىڭ نىسبىتى بولغان رېئال ماددىي سۈرەت ۋە نىشانلاردىن مۇستەسنا بولغان تەڭرىنى، ئىستىقامەتكە ئۆمۈر بويى بېرىلگەن سوپى - زاھىتلارنىڭمۇ كۆرمەيدىغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

① «فيېرباخ پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، I توم، 536 - بەت.

202-بەت

ئىدىمنى تىلەرمەن ئۆزۈم ئۆسى يوق نشانىن بولۇر مەن كۆرۈگلىسى يوق [ئىگەمىنى ئىستەيمەن، كۆزدە ئويقۇم يوق، تاپساممۇ نشانىن، ھېچ كۆرگۈنۈم يوق.]

  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئىزچىل ۋە غايەت كاتتا سەۋىيە بىلەن راتسىئونالىزم پىرىنسىپلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ بۇ جەھەتتە ئىسلام كالىامىزمى تەرىپىدىن «بۆلۈنۈپ چىققانلار» دەپ چېكلەنگەن مۇتەزىلىلەرنىڭ ھەممىنى ئىنسان ئەقىل - تەپەككۇرىنى ئۆلچەم قىلىپ ئىزاھلاش تەشەببۇسلىرى بىلەن بىردەك پىكىردە بولغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىككى دۇنيا ۋە ياخشىلىق قىلىش («ئەدگۈ قىلىنچ») بىلەن ئىبادەت قىلىش («تابۇغ») مەسىلىلىرىدىمۇ راتسىئونالىزم پىرىنسىپلىرىغا ھامىيلىق قىلغان. تۈركىيە ئالىمى كاپسۇغلۇ دېگەندەك: «ئۇ ئاقىۋەتنى ئەقىل بىلەن قىياسلاندۇرۇپ سېلىشتۇرغان، تەقدىرچىلىك چۈشەنچىسى بىلەن ئەمەس، ئەقىلگە لايىق چۈشەنچىلەر بىلەن ئىنسان بەختى ھەققىدە ئىزدەنگەن، ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنىمۇ ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان»①.

تەقۋاگە ئىستىقامەت قىلىشتىمۇ، خۇددى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاكادېمىكى س. ن. ئىۋانوف ئېيتقاندەك ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى «ئۆزى ئۈچۈن»، يەنە بىرى «باشقىلار بەختى ئۈچۈن» ئىستىقامەت قىلىش سىياقىدا پەرقلەندۈرگەن②. ئۇ قۇرۇق ئىبادەت بىلەن تەقۋانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ؛ خۇدالىق يولى قۇرۇق، نوقۇل ئۆزى ئۈچۈن ئىبادەت بىلەن چەكلەنمەيدۇ؛ ياخشىلىق قىلىش ئىبادەت قىلىشتىن كەڭ.

① «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە»، 133 — 135 - بەتلەر.

② يۇقىرىقى كىتاب، 35 - بەت.

203-بەت

ۋە ئۈستۈن چۈشەنچە؛ دىن ئۆزىمۇ رېئال دۇنيا (« كۆزۈنۈر ئازۇن ») دىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ھاياتلىقنى، رېئال دۇنيا پائالىيەتچانلىقىنى دىنغا قارام ۋە قۇربان قىلماسلىق لازىم دەپ قارىغان. ئۇ غەيرىي دىنىي پەنلەر ۋە تەدبىرلەر توغرىسىدا — تەبىئەت پەنلىرى، ئىنسان تەپەككۈرى، قانۇن ۋە سىياسەت توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق، غەيرەتلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكىتلىگەن.

  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلاھىيەت قاراشلىرى ئاساسەن ئۇيغۇرچە ئىبارىلەر ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ئىزاھلانغان. بۇنى بىر قانچە نۇقتىغا بۆلۈپ بايان قىلىمىز:

بىرىنچى نۇقتا شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاللا — تەڭرى ئىبارىسىنى گەرچە پۈتۈن داستاندا 235 قېتىم تىلغا ئالغان بولسىمۇ، 173 ئورۇندا «بايات»، 26 ئورۇندا «تەڭرى»، 21 ئورۇندا «ئىدى» دەپ، جەمئىي 220 ئورۇندا قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىياچە ئەنئەنىۋى نام بىلەن تىلغا ئالغان، پەقەت ئالتىلا ئورۇندا «ئاللاھ» (ئەل ئىلاھ، ئاللا)، توققۇز ئورۇندا «رەب» دەپ ئاتىغان. ئۇ ھەتتا «قۇرئان» دىكى «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» ئىبارىسىدىن ئۇيغۇرچە مەنىسى بىلەن مۇنداق بېيىت تۈزگەن:

بايات ئاتى بىرلە سۆزۈگ باشلادىم تۆرۈتگەن ئىگىدگەن كەچۈرگەن ئىدىم

بۇ «بايات نامى بىلەن سۆزۈم باشلىدىم، ياراتقان، يوللىغان، كەچۈرگەن ئىگەم» دېگەن سۆز①. «بايات» ئىبارىسى ئارغۇچە — غەربىي ئۇيغۇرچە سۆز

① بەزى كىتابلار «تۆرۈتگەن» (ياراتقان) ئىبارىسىنى «ئاغۇچى» (مەسلىھەتچى) قىلىپ، خاتاشكەن. «تونىيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»دا: «قاغانى ئېلىپ ئېرمىش، ئاغۇچىسى بىلگە ئېرمىش» (قاغانى قەھرىمان، مەسلىھەتچىسى، ۋەزىرى دانىشمەن ئىدى) دېگەن سۆز بار.

204-بەت

بولۇپ، قەدىمكى ئوغۇز قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان نامى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىبارە ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا ئۇچرىمايدۇ.

«تەڭرى» - كۆكتەڭرى - شامانىزم ئالىي مۇئەككىلى بولۇپ، «ئورخۇن - يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» ۋە «تۇرپان تېكىستلىرى»دە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنغان.

«ئىدى» ئىبارىسى «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» ، لېكىن ئېلان قىلىنغان 30 بەتلىك «قوچۇ مانى تېكىستلىرى»دە «ئىگە» ، «ئىگىسى» مەنىسىدە كەلگەن. مەسىلەن، «ئۆتۈكەن يىشدا يېگ ئىدى يوق ئېرمىش» (ئۆتۈكەن ۋادىسىدا ياخشى خوجا يوق ئىدى) ، «قۇتلۇغ بولسۇن بۇ پىتىگ ئىدىسى» (بۇ كىتاب ئىگىسى قۇتلۇغ بولسۇن) دېگەننەدەك. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك»تە «ئىگەم» مەنىسىدە كەلگەن. مەسىلەن، «ئاي يەر ئىدىسى» (ئەي يەر - ئاسمان ئىگىسى) ، «قۇلۇڭ مەن ئىدىم سەن» (قۇلۇڭ مەن، ئىگەم سەن) دېگەننەدەك.

«ئىلاھ» ۋە «رەب» ئىبارىلىرى «قۇتادغۇبىلىك» ، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» داستانلىرىدا كۆزگە چېلىقىدۇ، خالاس. بۇ ھال، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى بىر مۇھىم ئامىلنى ئەكس ئېتتۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا سىرتتىن كىرگەن دىنىي مۇئەككەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، قاتلاملاشتۇرۇپ قوبۇل قىلغان. مەسىلەن، «تەڭرى تەڭرىسى خورمۇزدا» ، «تەڭرى تەڭرىسى مانى بۇرخان» ، «ئىندرا» ، «قۇت تەڭرى قاتۇن» دېگەننەدەك.

ئىككىنچى نۇقتا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «كۈن» ئىبارىسىنى ئىلگىرىكىدەك «كۈن تەڭرى» ، «كۈن قۇتى» دەپ ئىلاھىي سۈپەتتە ئەمەس، رەسمىي ئاسمان جىسىملىرى سۈپىتىدە ئىزاهلىغان ۋە ئۇنى «كۈنتۇغدى ئېلىگ» نامىدا دانىشمەن پادىشاھ قىلىپ ئوبرازلاشتۇرغان. بۇ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ «تۇرپان تېكىستلىرى» ۋە «ئورخۇن - يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»

205-بەت

سىستېمىسىدىكى ھۆججەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان ئالامەتلەردىن بىرى.

ئۈچىنچى نۇقتا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئىدىيىلىرىنى خۇددى كاپسوغلو توغرا بايقىغاندەك①: «قۇرئان»، ھەدىس دەستۇرلىرى ياكى پەيغەمبەر تەپەككۈرى بىلەن ئالاقىسىز بولغان ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ماقال - تەمسىللىرى، ئەقلىيە سۆزلىرى بىلەن چۈشەندۈرگەن ۋە نۇرلاندۇرغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، «ئۆتۈكەن بېگى»، «ئىلى بېگى»، «ئېلى بتىكچىسى»، «ئۈچ ئوردا خانى» قاتارلىق ھېكمەت تەسنىفچىلار ھەققىدە مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ھېچقانداق ساقلانغان يادىكارلىق تېپىلمىدى.

تۆتىنچى نۇقتا شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەڭرىنىڭ ئالەم بىنا قىلىشىنى ئىسلام ۋە پلاتونىزمچىلىق قاراشلىرىغا ئورتاق بولغان «بەرق تېجەللى» (جوش ئۇرۇپ چىقىش) يولىدا ئىزاھلىماستىن، بەلكى خۇددى قۇربان ئېلى كىرورانى ئېيتقاندەك② قەدىمكى ئارىيانچە «ئاس»، «بۇؤ» (بار، بول) ئالەم بىنا چۈشەنچىسىگە يېقىنلاپ، داستاننىڭ 4 - بېيىتتە مۇنداق يازغان:

تۈلەدى تۆرۈتتى بۇ بولمىش قامۇغ بىر ئۆك بول تېدى بولدى بولمىش قامۇغ [ ئۇ خالاپ ياراتتى، يارالدى پۈتۈن، ئۇ «بار بول» دېگەندە بار بولدى پۈتۈن③. ]

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 133 - ، 135 - بەتلەر. ② «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1989 - يىل 6 - سان، 18 - بەت. ③ يەشمىسى ئەسلى بويىچە تۈزىتىلدى.

206-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» تە دىنشۇناس ئۆلىمالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، جۈملىدىن، ھەتتا پەيغەمبەر ئەۋلادى بولغاندىمۇ ناچار ئىش قىلسا سۈرۈشتۈرۈش تىلغا ئېلىنغان. ئۇ داستاننىڭ 4340 - بېيىتىدا مۇنداق دېگەن:

ئىچىن ئىرتەمەگىل يا قىلقىن تۈزۈن مەگەر تىلدە تەگسىز يورىتسا سۆزۈن [سۈرۈشتۈرمە ئىچ ھەم تېشى، ئەسلىنى، ناچار سۆزلىسە گەر، سۈرۈشتۈر ئونى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 12 - بېيىتىدا:

بارلىق بەلگۈلۈگ سەن كۈن ئاي تەگ يارۇق نە تەگلىككە يەتكۈ كۆڭۈل ئۆگدە يوق [ئەبرۇر بارلىقنىڭ كۈن ۋە ئايدەك يورۇق، تېگىشگە يەتكۈچى كۆڭۈل - ئەقىل يوق.]

دەپ، تەڭرى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ پىكىر قىلىشتىن باش تارتىقان.

7. «قۇتادغۇبىلىك» تە روھىي ھادىسىلەر قارىشى

كلاسسىك گرېك پەلسەپىسىدە روھىەت خاس تېما ھېسابلانغانىدى. ئارستوتېل «روھ ھەققىدە» ناملىق مەخسۇس ئەسەر يازغان ۋە ياۋروپا فونومونولوگىيسى (روھىي ھادىسىلەر ئىلمى) ۋە نەزەرىيىۋى پىسخولوگىيىسىگە ئاساس سالغانىدى. شەرق ئارستوتېلى — ئۇيغۇر قارلۇق پەيلاسوپى فارابى ئارستوتېلنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئەسىرى ئۈستىدە شەرھى تەلەپ قىلغان ۋە ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ «ئەننەفەس» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان.

207-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئىلىم خەزىنى قامۇس كىتابىدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى يىرىك مۇتەپەككۇر — پىسخولوگ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. «غەرب مەركەزلىك» نەزەرىيىسى سەلەبىي تەسىرى تۈپەيلى فارابى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھالقىغان باشقا ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارىدا، بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرى روھىيەت پەنلىرى تارىخىدىن مۇناسىپ قانۇنىي ئورنىغا قويۇلغىنى يوق. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ روھىي ھادىسىلەر قارىشى روھىيەتنى ئىنسان بەدىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتقا باغلاپ ئىزاھلاش، مېڭە ۋە سەزگۈ ئەزالىرىنى روھىي پائالىيەتنىڭ مەركىزى ۋە سىگنال سىستېمىسى دەپ بىلىش، پېرسونال ( ئىندىۋىدۇئال ) پىسخىك ئالامەتلىرىنى تىلغا ئېلىش، چۈش سىرىنى ماتېرىيالىستىك يۆنىلىشتە يېشىش، شەخسنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى تەكىتلەش، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى سۈپەتلىرى ۋە روھىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا گۇمانىستىك تەشەببۇستا بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز — ئۆزىنى تەتقىق قىلىشى يولىدىكى قەيسەر بىر قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچى نۇقتا: روھ — بەدەننىڭ ھاسىلىسى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھ ھەققىدە توختالغاندا، پلاتوننىڭ «مۇتلەق روھ»، «ئالەم روھى» دېگەندەك ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستىك، غەيرىي ئىنسانىي، غەيرىي جىسمانىي روھىيەت قاراشلىرى ئاسارىتىدىن خالىي ھالدا، روھىي ھادىسىلەرنى ئىنسان بەدىنىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىدى. «ئۇنىڭ بەدەن بىلەن روھنىڭ ئۆزئارا نىسبىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى فارابى، ئىبنى سىنا، ئىبنى رۇشدىلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قاراشلىرىغا يېقىن» ① (ئەزىز نارىنبايوۋ) ، ئۇ بۇ قاراشنى كۆپ جەھەتلەر ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرگەن.

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 292 — بەت.

208-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تۇغۇلماق» ، «ئۆلمەك» تىن ئىبارەت ئىلمىي ۋە دىنىي قاراشلار ئۈچۈن ئىختىلاپى بولمىغان مۇقەررەر ھادىسىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە ، يەنى زامان ئىدېئولوگىيىسى نۇقتىسىدا غايەت زور ۋە كېسكىن تېما بولغان ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش - تىرىلمەسلىك ، بارچە روھىي ئىقتىدارنىڭ ساقلىنىش - ساقلانماسلىق مەسىلىسىگە بۇرۇلىدۇ . ئۇ داستاننىڭ 6146 - ، 5416 - ، 6297 - بېيىتلىرىدا بۇ مەسىلىگە مۇنداق ياندىشىدۇ :

نەچچە مىڭ ياشاسا ئۆز ئۆلگۈ تۇرۇر ئولاشمىش ئەت ئۆزلەر ئۈزۈلگۈ تۇرۇر [ نەچچە مىڭ ياشىسا ، ئۆز ئۆلگۈچىدۇر ، ئولانغان ئەزالار ئۈزۈلگۈچىدۇر . ] تاپ ئۆردى يانا بۇ ئۆلۈمدە باسا قارا يەر قاتىندا ئۈلۈپ تۇپراسا [ بەس ئۆردى ئۆلۈمدىن كېيىنلا يانا ، قارا يەر قېتىدا چىرىمەك مانا . ] ئۇل ئۆزرە يانا يانغۇ ئەرمەز بەرۇ ساڭا ھەم ماڭا بارغۇ تەرك ئول نارۇ [ ئۇ قايتىپ كەلگۈچى ئەمەستۇر يانا ، سەن ھەم بىز مۇ قايتىپ كېتەرمىز مانا . ]

شۇنى تىلغا ئېلىش لازىمكى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇخىل ئىما - ئىشارەتلىك ئىلغار كۆز قاراشلىرى گەرچە پۈتۈنلەي ئاشكارا تەلىمات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ ، ئۇ يەنى زامان روھانىيەتچىلىكى ئۈچۈن «دىننىڭ مەخپىيىتى بولغان ئادەم» نىڭ ئىلاھىيەتچىلىك تەرىپىدىن كۆچۈپ بۇرۇملانغان «مەخپىيىتى» - «روھنىڭ ئۆلمەسلىكى» ئەقىدىسىگە ئۆكتە قىلغان . ۋەھالەنكى ، فارابىنىڭ «شەخسنىڭ روھى بىلەن ئونىڭ

209-بەت

بەدەننى بىرلەشتۈرۈپ قارىغانلىقى تۈپەيلى ئىسلام زاھىتلىرى تەرىپىدىن تەكرىگە ئىشەنمەسلىكتە ئەيىبلەنگەنلىكى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى.① فارابى بىر شېئىرىدا مۇنداق يازغانىدى:

«تەبىئەت جىنسىمىز ئۆز جىنسىمىزغا قايتقۇسىز ئەمدى.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە داستانىنىڭ 294 - ، 1839 - بېيىتلىرىدا روھىي ئىقتىدارنىڭ پەقەت تىرىكتە بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەقىللىق كىشىمۇ بەدەننىڭ قېرىشى بىلەن روھىي ئىقتىداردا سۇسلىشىدىغانلىقىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

ئوقۇشلۇق كىشى كۆر قارسا مۇنار ئوقۇش كەتتى تەپ ھەم قەلەم مە تىنار [ئەقىللىق كىشى ھەم قېرىسا ئازار، ئەقىل كەتتى دەپ ھەم قەلەممۇ تىنار.] ئوقۇشسىز ئۆلۈك ئول ئوقۇشلۇق تىرىك [ئەقىلسىز تىرىكتۇر، ئەقىلسىز ئۆلۈك.]

ئۇ يەنە روھنىڭ مەنىۋى مەزمۇن ۋە سۈپەتكە تۆت زات، تۆت خىسلىت، تۆت مىزاج بىلەن ئالاقىدار كونكرېت ئادەم بەدەن ھالىتىنىڭ تەسىرىنى، شۇنىڭدىن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تەلىم - تەربىيىنىڭ تەسىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئورۇنلاردا تەپسىلات بېرىمىز. ئىككىنچى نۇقتا: مېڭە — كۆڭۈل قەسرىسى دەرھەقىقەت، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا

① دونسكىن، مىتبىن قاتارلىقلار: «پەلسەپە تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، I توم، 258 - بەت.

210-بەت

قەدىمكى ئەنئەنىۋى قاراشلىرىدا كۆڭۈل — ھېس ۋە تەپەككۇر توغرىسىدا كۆپلىگەن مەنبەلەر ساقلانغان. بىز «ئوغۇزنامە» ، تۇرپاندىن تېپىلغان «بەش پارچە تىببىي تېكىست» ، «تۇرپان تېكىستلىرى» ، «ئالتۇن يارۇغ» ، «قۇتادغۇبىلىك» ، ئولدېنبۇرگ تاپقان XIII ئەسىرگە ئائىت «قانۇن ۋەسىقە ھۆججەتلىرى» قاتارلىقلاردا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن «كۆڭۈل» كاتېگورىيىسى مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. «ئالتۇن يارۇغ»دا ئېستېتىك كاتېگورىيە «كۆڭۈل ئاچماق» بىلەن پسىخىك كاتېگورىيە ئاتى — «كۆڭۈل بىلىگ» تىلغا ئېلىنغان. ۋەھالەنكى، «ئالتۇن يارۇغ»دا تەپەككۇر ئورگىنى بۇددىزم قاراشلىرى تەسىرىدە «كۆڭۈل قاچىغ» دەپ، «تۇرپان تېكىستلىرى»دە كۆڭۈل ئورگىنى «كۆڭۈل — يۈرەك» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. «كۆڭۈل قاچىغ» بۇددىزمدا گۇناھتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاچۇرۇلىدىغان سەزگۈلەردىن بىرى ۋە ئاساسلىقى دەپ قارالغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 2797 — ، 2472 — ، 2795 — بېيىتلىرىدا كۆڭۈل بىلەن يەتتە ئەزا باشقۇرۇلۇدىغانلىقى، كۆڭۈل بولمىغاندا ئىنسان قۇرۇق ھەيكەلدەك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:

ئەت ئۆز يەتى ئەندام كۆڭۈلگە ئۆتەر كۆڭۈل بىرلە يالغۇق ئاغىر يۈك يۈدەر [ ۋۇجۇد، يەتتە ئەزا كۆڭۈلگە باقار، كۆڭۈل بىرلە ئىنسان ئېغىر يۈك ئالار. ] كۆڭۈلسۈز كىشىلەر قۇرۇغ كەپ بولۇر كۆڭۈل بىرلە يالغۇق قامۇغ ئىش قىلۇر [ كۆڭۈلسىز كىشى بىر ھەيكەلدۇر قۇرۇق، قىلۇر ئىشنى ئىنسان كۆڭۈللە تولۇق. ]

211-بەت

كۆڭۈل بەگ تۇرۇر يەتتى ئەندام ئۆزە بەگى باشلاسا بودنى يۈگۈرۈر تۈزە [كۆڭۈل يەتتە ئەزا ئۆزە ھۆكۈمران، يۈگۈرەر ئەل چوقۇم، باشلاپ ماڭسا خان.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۆڭۈلنىڭ جايلاشقان ئورنى مەسىلىسىدە مېڭە ۋە ئارىستوتېل قاتارلىق قەدىمكى شەرق – غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ «يۈرەك» نەزەرىيىسىدىن پەرقلىق ھالدا فارابى ۋە ئىبىن سىنانىڭ «مېڭە» قاراشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان. گەرچە تۇرپاندىن تېپىلغان «ئۇيغۇرچە تىببىي تېكىست»تە: «قال ئېت تارتىمش كىشىكە ئۇلارنىك مېيىسىن يېسەر ئىدگۈ بولۇر» (غالجىر ئىت چىشلىگەن كىشىگە ئۇلار مېڭىسى پايدا قىلىدۇ) دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ تىببىي – دورا كاتېگورىيىسىدىكى رېتسېپ ئىدى، خالاس.

مېڭە ھەققىدە فارابى توختالغان. ئۇ مېڭىنى نەپسانى (روھىي) ئىقتىدارنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان① . ئىبىن سىنا «ئەلقانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرىدە: نەپسانى قۇۋۋەتنىڭ ئورنى ۋە تەسىر پەيدا قىلىدىغان جايى مېڭە، دەپ كۆرسەتكەن② . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زاماندا تېخى يېڭى ئىلمىي ئىختىرا بولغان بۇ مەسىلىنى پادىشاھ كۈنتۇغدىغا ئۆگۈدۈلمىشنىڭ تونۇشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈشى شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ داستاننىڭ 1834 -، 1836 -، 1840 - بېيىتلىرىدا كۈنتۇغدىنىڭ سوئالى،

① م. خەيرۇللايوف: «ئويغىنىش دەۋرى ۋە شەرق مۇتەپەككۇرى»، 1971 - يىل تاشكەنت نەشرى، 217 - بەت. ② ئىبىن سىنا: «ئەلقانۇن فىت تىب»، 1954 - يىل تاشكەنت نەشرى، 35 - بەت.

212-بەت

ئۆگدۈلمىشنىڭ جاۋابى تەرىقىسىدە مۇنداق يازغان:

نەگۈ ئول ئوقۇش ئورنى قايدا تۇرۇر قايۇدەن قوپار قوپسا قايدا بارۇر [نەچۈكتۇر ئەقىل ئو، ئورنى قايدادۇر؟ نەيەردىن چىقار ئو، نەيەرگە بارۇر.] ئوقۇش ئورنى ئۈستۈن مىڭەدە تۇرۇر ئاغىر نەڭ ئۈچۈن ئورنى باشتا ئەرۇر [ئەقىل ئورنى ئۈستۈن مىڭەدە تۇرۇر، قىممەتلىكىدىن ئورنى باشتا بولۇر.] قاراڭغۇ ئەر ئول بۇ كىشى تۈن سانى ئوقۇش بىر يۇلا تەگ يارۇتۇر ئانى [كىشى تۈن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر، ئەقىل بىر چىراغدەك ئونى يورۇتۇر.]

ئۈچىنچى نۇقتا: چۈش — ھايات ۋە تۇرمۇشنىڭ شولىسى — ئۇيغۇرلاردا قەدىمكى چۈش يوغۇرۇش (چۈشكە تەبىر بېرىش) ئادىتى بولغانىدى. ۋ. تومسېن بىلەن ئا. ستېين دۇنخۇاڭدىن تاپقان 104 بەتلىك «ئىرىق بىتىگ»دە: «بۇ ئىرىق بىتىگ ئۆدگۈل» (بۇ تەبىرنامە ياخشى) دەپ يېزىلغان ۋە ئەنئەنىۋى چۈش تەبىرلىرى جەملەنگەن. ئەمما، يۈسۈپ خاس ھاجىپ شامان پىرخۇنلىرىنىڭ ئەرۋاھقا ياكى زەردۇشت يۇلتۇز كۆرۈمچىلىرىنىڭ يۇلتۇز ئەھكاملىرىغا ۋە ياكى ئىسلام چۈش جورۇغۇچىلىرىنىڭ تەقدىر — قىسمەتكە باغلاپ چۈشكە تەبىر بېرىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، چۈشتىن ئىبارەت بۇ سېھىرلىك تېپىشماقنىڭ ئىلمىي ئاچقۇچىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەھالەنكى، فارابى چۈشەشنى تەسەۋۋۇر — ئوبرازلارنى قايتا قوراشتۇرۇش جەريانى دەپ قارىغان. روشەنكى، مۇنداق قايتا قوراشتۇرۇش جەريانى تولاراق ئويغاق ۋاقىتلاردا يۈز بېرىدۇ. گەرچە

213-بەت

چۈشەشتىمۇ مۇنداق ھادىسە يۈز بەرسمۇ، ئۇ تاسادىپىي بولۇپ، بۇ چۈش توغرىلىق خاس چۈشەنچە تىكلەشكىمۇ كۆپ يېتەرسىزلىك قىلاتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاننىڭ 4366 - بېيىتىدا چۈش تەربىيە مەسىلىسىنى تۇنجى بولۇپ بىر ئىلىم دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ مەسىلىگە تۆت باب سەھىپە ئاجرىتىپ بايان قىلدى. بۇ چۈشنۇشلۇق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مۇنداق يازىدۇ:

تاقى بىر بىلىك كۆر بۇ تۈش ئىلمى ئول تۈشەسە يورۇغلى ئاچار ئەدگۈ يول [يەنە بىر ئىلىمدۇر بۇ چۈش ئىلمى ئول، چۈشسەك، ئورۇچى ئاچار ياخشى يول.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ چۈش تەربىيە مەسىلىسىنى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئىزاھلىغان، تەقدىرچىلىك ۋە خوراپىي قاراشلارغا ئېنىق رەددىيە بەرگەن، ئۆزىنڭ چۈش ھەربىر شەخسنىڭ كونكرېت جىسمانىي ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا باغلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلمىي، ماتېرىيالىستىك قارىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ داستاننىڭ 5988 -، 5989 - بېيىتلىرىدا ئۆدغۇرمىشنىڭ چۈشكە تەقدىرچىلىك ئاساسىدا خاتا قارىغانلىقىنى رەت قىلىپ ئاۋۋال ئۆدغۇرمىش، كېيىن ئۆگدۈلمىش تىلىدىن مۇنداق يازغان:

بايات ئەدگۈ ئەسز يورتىسا قەزا يورتۇر ئانى ياتسا تۈنلە ئۇدا [يامان - ياخشى قازانى بۈلدۈرسه خۇدا، ئايان ئەيلەر ئۇنى ياتسا ئۇيقۇدا.] يانۇت بەردى ئۆگدۈلمىش ئايدى بۇ سۆز

214-بەت

يەمە ئەدگۈ ئەرمەز ئايا كۆڭلى تۆر [جاۋاب بېرىپ ئۆگدۈلمىش، ئېيتتى: بۇ سۆز — ھەم ياخشى ئەمەسدۇر، ئايا كۆڭلى تۆر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 6024- ، 6028- بېيىتلىرىدا خان — ئەمەلدارلار بىلەن ئاددىي خەلقنىڭ چۈشىدە ۋە ھەربىر كونكرېت ئادەمنىڭ چۈشىدە پەرق بولىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

قارا ئام تۈشگە يۆرۈگى ئادىن ئادىن بولدى بەگلەر تۈشى كۆر ئادىن [ئاۋامنىڭ چۈشىگە تەبىر بۆلەكتۈر، بۆلەكتۈر بەگ چۈشىنىڭ تەبىرى، كۆر.] كىشىگە كۆرۈپ يۆرلىر ئەمدى بۇ تۈش ئۇقار ياقىشغ ئەرسە ياغۇتۇر ئۇقۇش [كىشىگە قاراپ چۈش تەبىرى بولۇر، ئۇڭا بولسا لايىق، ئەقىل چۈش يۆرۈر.]

بۇ چۈشنىڭ ۋاقىت، غىزا، تۆت تادۇ، تۆت مىجاز (خىلىت) ۋە ئادەمنىڭ يېشى ھەم پەسىل بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرى داستاننىڭ 5996- ، 6005- ، 6006- بېيىتلىرىدا مۇنداق تىلغا ئالغان:

كېچەكى تۈشۈڭگە يۆرۈگى ئادىن يانار كۆرسە كۈندۈز كۆرۈگى ئادىن [كېچىدىكى چۈش تەبىرى باشقادۇر، يەنە كۆرسە كۈندۈز، ئۇ باشقا بولۇر.] تەلىم تۈش بولۇر يەم ئىچىمكە بارىر ياراغسىز يەمىش بولسا تەڭسىز كەلۇر

215-بەت

[تالاي چۈشلەر باركى، غىزاغا قارار، ئۇ بولسا يارامسىز، چۈش خۇنۈك بولار.] تاقى بىر چۈش كۆر بۇيىل فەسىلگە تادۇسى كۆچۈپ بارىر ئەسلىگە [يەنە بىر چۈشكى، ئۇ پەسىلگە قارار، كۆچۈپىسە تادۇسى ئاڭا ئۇ باقار.]

بۇ داستاننىڭ 6007 ، 6014 بېيىتلىرىدا بۇ ھەقتە تىببىي مەسلىھەتلەر كۆرسىتىلگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئارلاش چۈشلىرىنىڭ تەبىرى بولمايدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» مۇئەللىپىنىڭ كۆرسىتىشىچە، چۈشتىنمۇ كۆرە ئۇنىڭغا تەبىر بېرىشنىڭ ئىنسانغا بولغان روھىي تەسىرى ناھايىتى چوڭ. چۈش تەبىرى ساغلام كىشىنى كېسەل قىلىشى، كېسەل كىشىنى داۋالاشقا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن (6004 ، 6029 بېيىتلارغا قارالسۇن)، شۇنىڭ ئۈچۈن چۈش تەبىرىنى كۆپ تەجرىبىلىك بىلىم ۋە ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم دەپ قاراش لازىم.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇنىڭدىن توققۇز ئەسر ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قاراشلىرى يېقىنقى زامان نېرۋولوگىيىسى، كېسەللىك پىسخولوگىيىسى، روھىي كېسەللىك ئىلمى ۋە چۈش تەتقىقاتىنىڭ بارغانسېرى ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان توپ قاراش ۋە يۆنىلىشلىرى بىلەن بىردەك بولغان. فىرېئودنىڭ: ھەر كىمنىڭ چۈشى ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالامەتلىرىگە باغلىق، دېگەن قارىشىغا ئۇيغۇن بولغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دراماتىك داستان شەكىلدىكى بۇ ئەسىرىدە بايان ئارىسىدا يەنە كۆپلىگەن ئوبرازلىق بېيىتلار ئارقىلىق بۇ قارىشىنى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇرغان. دەرھەقىقەت،

216-بەت

بۇ چوڭ ئىلىمنىڭ خاتىمىسى ئەمەس، پەقەت مۇقەددىمىسى ئىدى، ئەلۋەتتە.

تۆتىنچى نۇقتا: پېرسونال پىسخولوگىيە قاراشلىرى

«قۇتادغۇبىلىك»تە روھىي ھادىسىنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئىجتىمائىي مۇھىتقا بولغان مۇناسىۋىتى، مائارىپ پىسخولوگىيىسى مەسىلىلىرى؛ ھەربىر كىشىنىڭ خاراكتېرىدىكى پىسخىك پەرقلەر — پېرسونال پىسخولوگىيە مەسىلىلىرى؛ مۇھەببەت پىسخولوگىيىسى مەسىلىلىرى؛ مىللەتتىكى روھىي خۇنۈكلۈكلەرنى تازىلاپ، مىللىي روھنى ساغلاملاشتۇرۇش — جەمئىيەتشۇناسلىق پىسخولوگىيىسى مەسىلىلىرى توغرىسىدا قىممەتلىك مۇھاكىمە ياكى ئۈزۈندىلەر ساقلانغان. بىز بۇ جەھەتتە ئالاقىدار تېمىلاردا ئىجتىمائىي - تەلىم نۇقتىسىدىن توختالغاچقا، بۇ يەردە ئۇنىڭ يەنە بىر قاتلام پىسخولوگىيىلىك مەندارلىقى مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن چەكلىنىمىز.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا ھەر خىل كەسپىي خادىملار ئىقتىدارىغا پىسخىك — ئىندىۋىدۇئال شەرتلەر قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئاچكۆزلۈك، يالغانچىلىق، چوڭ مىجەزلىك ۋە ئوياتنى بىلمەسلىك قاتارلىق پىسخىك تۈزۈلمىدىكى ئىللەتلەرنى قاتتىق سۆكىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 2205 - ، 2206 - بېيىتلىرىدا «ئۇياتسىز كۆزدە خۇنۈك بىر قاداق» ، «ئېيتىلمەس تۆشۈكتۇر ئۇياتسىز كۆزى» دەپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۆزىتىشلىرىدىن تەبرەن يەكۈن چىقىرىدۇ. ئۇ 2003 - بېيىتىدا ئاچكۆزنى «بۇ ئاچلىقنى ئۆلسە قويار» دەپ كۆرسىتىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاننىڭ 4515 - ، 4516 - ، 1891 - ، 1893 - ، 1898 - ، 1899 - ، 1901 - ، 1902 - بېيىتلىرىدا سۆيگۈ پىسخىك ئالامەتلىرى توغرىسىدا توختىلىدۇ. ئۇ بۇنىمۇ كۆرۈش

217-بەت

ۋە مۇھەببەت روھىيىتىنى بايقاش جەھەتتە ئىزاھلىغان. بېيىتلار مۇنداق:

كۆزۈن كۆرمەسە ئارزۇ قولماز كۆڭۈل كۆزۈڭ كۆرسە كۆڭلۈڭ قۇلۇن ئاي ئوغۇل [كۆزۈڭ كۆرمىسە گەر، تەلپۈنمەس كۆڭۈل، كۆزۈڭ كۆرسە، كۆڭلۈڭ ئاغار، ئەي ئوغۇل.] كۆزۈڭنى كۆدەزگىل كۆڭۈل قولمىغاي كۆڭۈل قولمىسا ئۆز بۆلۈن بولمىغاي [كۆزۈڭنى كۆزەتكىن، كۆڭۈل تارتىمغاي، كۆڭۈل تارتىمىسا، ئۆز ئەسر بولمىغاي.] كۆڭۈل تاتغى نە ئول بۇ كۆز تاتغى نە بۇ ئىككى تاتغىدىن ئۆزۈم ئۆلگى نە [كۆڭۈل زەۋقى نىمە، بۇ كۆز زەۋقى نە؟ مۇشۇ ئىككى زەۋقتىن نېسىۋەم نىمە؟] سەۋتۈمۈش يۈزىن كۆرسە كۆزكە تاتىغ كۆڭۈل ئارزۇسىن بولسا ئۆزكە تاتىغ [كۆرۈش سۆيگەننى — بۇ كۆز زەۋقىدۇر تېپىش دىل ئۈمىدىن — بۇ ئۆز زەۋقىدۇر.] سەۋەر سەۋمەزىن ئۆز بىلىسە تەسە كۆڭۈلكە باقا كۆردۈ بىلگىي باسا [بىلەي دېسە سۆيگەن ۋە سۆيمىگەننى، كۆڭۈلگە قاراسۇن، بىلەر ئۇ كېيىن.] سەۋۈگلەر يۈزىندە بولۇر بەلگۈ نەڭ كۆزىن كۆزكە تەكسە ئانى بىلگۈ تەڭ [سۆيۈملۈك يۈزىدە بولۇر بىر نىشان، كۆزى — كۆزگە چۈشسە بىلىنەر شۇئان.] سەۋىگلى كىشنىڭ يۈزى بەلگۈلۈگ تلى ئاچسا مەنى سۆزى بەلگۈلۈگ [سۆيۈملۈك كىشنىڭ يۈزى بەلگىلىك،

218-بەت

تىلىن ئاچسا مەنا سۆزى بەلگىلىك.] سۆيەر سەۋمەزىن ئۆز بىلىيىن تەسە ساڭا تەتۈر باقسا كۆزى بەلگۈلۈك [سۆيۈپ - سۆيىمىگەننى بىلەيمەن دېسەڭ، ساڭا توغرا باقسا كۆزى بەلگىلىك.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى مىسرالىرى ئارقىلىق ئويغانغان، ھاياجان سۆيگۈ ھېسسىياتىنىڭ كۆز، كۆڭۈل ۋە يۈز - چىراي، سۆز - خۇلۇقتا ئومۇمىيۈزلۈك زەۋقى زىلزىلە قوزغايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان. ئۇ داستاننىڭ 3855 - بېيىتىدا «تۇتقۇن بولسا دىل، ئەركسىز بولۇر كىشى» دەپ، مۇھەببەتتىن پەيدا بولىدىغان يالقۇنلۇق ئىشق ۋە ئىختىيارسىزلىقنى تىلغا ئالغان. بۇ ماھىيەتتە ھېسسىيات چىنلىقى ۋە ھېسسىياتنىڭ ھېسسىياتقا ئۇچۇر يەتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇھەببەتتە ئاشىقنىڭ مەشۇققا بولغان ھېسسىي قاراشلىرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەرنىمۇ سۆيگۈ ئالامىتى شەكىلدە تىلغا ئالغان. ئۇ داستاننىڭ 3516 -، 3517 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

نېگۈ تەڭ ئېشتىگىل بۇ سەۋمۈش كىشى سەۋۈگكە سەۋۈگ ئەيىبى ئەردەم باشى [ئىشتىكىن، نېمە دەر بۇ سۆيگەن ئادەم: ئاشىق ئۈچۈن مەشۇق ئەيىبى زور ئەردەم.] سەۋۈگۈگ نىشانى بۇ ئول بەلگۈلۈك سەۋۈگ ئەيىبى ئەردەم بولۇر ئاي كۈلۈگ [بۇ سۆيگۈ نىشانى شۇدۇر، ئەي شەۋكەت، ھەر مەشۇق قۇسۇرى بولۇر پەزىلەت.]

219-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىللەت روھىيىتىنى ساغلاملاشتۇرۇشقا خەيرىخاھلىق قىلغان ئۇلۇغۋار روھىي ئىنژىنېر ۋە ئۇستاز ئىدى. ئۇنىڭ پادىشاھتىن سەبىي پەرەزەنتلەرگىچە ئەقىل، بىلىم، ئەخلاق ۋە روھىي تۈزۈلۈمدە ئىمكانقەدەر پاك ۋە ئالىيجاناب بولۇشى، ناچار ئىللەتلەرنى ھەممە بىردەك رەت قىلىشى ھەققىدىكى يالقۇنلۇق تەشەببۇسلىرى مەنىۋى مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئەبەدىي ماياك ۋە مەڭگۈلۈك خىتاب بولۇپ قالدى.

8. قىسقىچە يەكۈن

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئالەمنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىنسانغا ئالاقىسى، ماددىي دۇنيا ۋە روھىيەت ھادىسىلىرىدىن ئىبارەت توپلوق تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ دىنىي ۋە فېئوداللىق ئالاھىدىلىكىنى تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھېسابقا ئېلىش شەرتى ئاستىدا، ئوتتۇرا ئەسىر تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ بۇ ئورگىنال تېمىسىنى پانتېئىزم ئاساسىدا ئىزاھلاپ، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە تارىخىدا ئەبۇ نەسر فارابىدىن كېيىنكى يەنە بىر يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزۈپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ پەلسەپىۋى دراماتىك ئەسىرىدە، بىلىم دېمەكلىك نوقۇل دىنلا ئەمەس، پەلسەپە دېمەكلىك يالغۇز كالام تەلىماتىلا ئەمەس، تەقدىر دېمەكلىك يالغۇز تەقدىرى ئىلاھىيلا ئەمەس، ھەقىقىي دۇنيا دېمەكلىك پەقەت باقى ئالەمدىلا ئەمەس، بەخت دېمەكلىك پەقەت جەننەتتىلا ئەمەس، ئاقىبەت دېمەكلىك قىيامەت سورىقىلا ئەمەس دېگەن يېڭىچە ئىدىيە چاقناپ — جىلالىنىپ چىققان.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرى

220-بەت

گەرچە ئۆز دەۋرى ئىدىئولوگىيىلىك تەرەققىياتىدا غايەت زور ئەھمىيەتلىك نەتىجە بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ بىر قاتار ئىدېئىي ، تارىخىي چەكلىمىگە ۋە بىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان . بۇ ماهىيەتتە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئىلغار مۇتەپەككۇرلىرى سادىر قىلغان ئومۇمىي ئاجىزلىق ئىدى . ئۇنىڭ مۇھىملىرى : «مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى» [11] ، «ئوتتۇرا ھالەت نەزەرىيىسى» [12] ئىپادىلىرى ۋە پانىي ئالەم ئەپسانىلىرى بىلەن باقى ئالەم ھەقىقەتلىرىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بولدى .

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا دۇنيانى تەڭرى ياراتقان دېگەن قاراش ئىسلام ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك قاراشلار ئاساسىدا ئىزاھلانغان . گەرچە مۇنداق ئالەم بنا قىلىش ھادىسىسى مۇئەللىپنىڭ پانتېئىزمچىلىق ۋە گۇمانىزملىق قاراشلىرى تەرىپىدىن ئىنساننى ۋە ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنى مەقسەت قىلىپ ئىزاھلانغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئىدېئالىستىك «مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى» خاراكتېرىنى ئالغانىدى .

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى ئارىستوتېل ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئارىستوتېلىزىمى تەرەپدارلىرىنىڭ «ئوتتۇرا ھالەت نەزەرىيىسى» تەسىرىگە ئۇچراپ كەسكىن مۇھاكىمىلەردىن باش تارتقان . زاھىت ئودغۇرمىشقا نىسبەتەن «ئارتۇقچە زورلىماسلىق» پوزىتسىيىسىنى قوللانغان . ھەتتا داستاننىڭ 2090 - بېيىتىدا ۋە 4984 - ، 4985 - بېيىتلىرىدىكى روبائىيىسىدا :

بود ئورتو كەرەك ھەم تەڭچە ياراغ ئىشىڭ ئورتو تۇت ئاي بىلىكلىگ كىشى [بويى ئورتا بولسۇن لايىق ئۆزۈنگە ، ئەي ئالىم ھەم ئىشنى ئورتا تۇت ھەرقان .] تەڭىندە كەچۈرمە قامۇغ ئىشنى سەن

221-بەت

تەختىدە كۆرسە يانا قاجا سەن قامۇغ ئىشكە① ياغزاغ تەگى ئول ياخشى قامۇغ نىڭ تەگى بىرلە بولدى ئەسەن [چىقارما ھېچ ئىشنى ئۆلچەمسىز سەن، قاچار ئىش، چىغىردىن ئۇ چىققان ئىكەن. پۈتۈن ئىشتا ئۆلچەم، ئۇسۇل، قائىدە بار، ھەر ئىش ئوتتۇراھال بولسا — بولغاي ئېسەن.]

دېپ، ئارىستوتېلنىڭ «ھەر ئىشتا يەتكۈزىمۇ قالماسلىق، ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ئوتتۇرا ھالەتتە بولۇش» كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن. بۇ كۆز قاراش شەھەر سودا — ھۈنەر ئاقسۆڭەكلىرى مەنىپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ جاسارەتلىك، كەسكىن مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىشىغا چەك قويغان.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا پانتېئىزمچىلىق تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرى سوپىزمچىلىق — ئىلاھىيەتچىلىك كۆز قاراشلىرى بىلەن مۇئەييەن كۆرەشتە ۋە مۇئەييەن مۇناسىۋەت ئىچىدە بايان قىلىنغان. بۇ خىل مۇئەييەن مۇناسىۋەت ئىپادىلىرى داستاننىڭ تارىخىي چەكلىمىسىنى، ئاپتورنىڭ سىنىپىي ۋە بىلىش چەكلىمىسىنى ھاسىل قىلدى. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئاپتورىدىن ئەينى زاماندا بۇنىڭدىن ھالقىغان ئۆزۈل — كېسىل ئاتېئىزملىقنى تەلەپ قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. داستاندا تىلغا ئېلىنغان «ئىككى دۇنيا»، «ئىككى ماكان»، «ھەر ئىككى دۇنيانى تەرك ئەتمەسلىك»، «ئىككى پۇتتا يۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش»، «ئۈمىد بىلەن ۋەھىمە ئارىسىدا ياشاش» قاتارلىق كۆز قاراشلار گەرچە رېئال ھايات ۋە رېئال بەخت —

① «نەمەنگان نۇسخىسى» دا «قامۇغ نىڭ» دېيىلگەن.

222-بەت

سائادەتنى تەكىتلەش مەقسىتىدە سوپىزىملىق ئىلاھىيەتچىلىككە زىت قويۇلغان بولسىمۇ، «دۇنياۋى ھايات مەسىلىلىرىدە، ھايات ئۈچۈن كۆرەش مەسىلىلىرىدە دىنغا قارام بولۇپ قالماسلىققا، دۇنياۋى تەدبىرلەرنى دىنىي ئېتىقادقا قۇربان قىلىۋەتمەسلىككە چاقىرغان»① بولسىمۇ، ئەمما باقىي ئالەم ئەپسانىلىرى رەت قىلىنمىغان، بەلكى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن. نەتىجىدە، داستان خەلق بىلەن تەڭرىنى، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئېتىقادنى، رېئال بەخت بىلەن جەننەتنى، پانىي ئالەم بىلەن باقىي ئالەمنى مۇجەسسەملەش توسىنى ئالغان. بۇ ھال يېڭىدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان فېئودال يۇقىرى قاتلىمىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكلىرى بىلەن ئوتتۇرا - يېقىن شەرققە باش كۆتۈرۈپ چىققان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ كەڭ تەسىر دائىرىسىنى تاپقان سوپىزىملىق - تەسوۋۋۇپى كۆز قاراشلىرىنىڭ ئەينى زامان روھىيەت ئاسمىنىدىكى ئېغىر بېسىمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. «قۇتادغۇبىلىك» داستانى يېزىلىپ قانچە ئۆتمەي غەربىي خان ئەھمەدنىڭ 1095 - يىلى دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بۇ خىل مەنىۋى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك كەسكىنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

گېگېل توغرا ئېيتقاندى: «پەلسەپە تارىخى… پۈتكۈل تارىخنىڭ ئەينىكى بولۇشى لازىم»② . بۇ يەنىلا كىشىنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئېتىشى ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە نەتىجىلىرى جۈملىسىگە كىرىدۇ، ئەلۋەتتە.

لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «قوپال، ئاددىي، مېتافىزىكىلىق ماتېرىيالىزمچىلىق نۇقتىسىئىنەزەرچە، پەلسەپىۋى

① قەييۇم كەرىموف: «ئىلك بېدىئىي داستان»، 26 - بەت.

② گېگېل: «پەلسەپە تارىخىدىن لېكسىيەلەر»، مۇقەددىمىسىگە قارالسۇن.

223-بەت

ئىدېئالىزم جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق نۇقتىئىنەزەرچە، پەلسەپەۋى ئىدېئالىزم بىلىشنىڭ مەلۇم خۇسۇسىيىتىنى، تەرىپىنى، قىممىتىنى بىر تەرەپلىمە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ … راۋاجلاندۇرۇپ (كۆپتۈرۈپ، كېڭەيتىپ)، راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنى ماددىدىن ئايرىپ، تەبىئەتتىن ئايرىپ، ئىلاھىيلاشتۇرۇش، مۇتلەقلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت، خالاس.» ① «تارىخىي تۆھپىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلغاندا، تارىخىي ئەربابنىڭ ھازىرقى زامان تەلەپ قىلىدىغان نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى نەرسىلىرىگە ئاساسلىنىش لازىم» ②.

مانا بۇ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرىغا تارىخىي ۋە تەنقىدىي باھا بېرىشتە ئەمەل قىلىدىغان يېتەكچى پىرىنسىپ.

① لېنىن: «پەلسەپە خاتىرىلىرى»، خەنزۇچە نەشرى، 364 - بەت.

② لېنىن: «ئىقتىسادىي رومانتىزىمغا باھا»، «لېنىن ئەسەرلىرى»، خەنزۇچە نەشرى، II توم، 150 - بەت.

224-بەت

IV باب «قۇتادغۇبىلىك»تە بىلىش نەزەرىيىسى مەسىلىلىرى

«زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ — ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.» — ئابۇلقاسىم فىردەۋسى

1. «قۇتادغۇبىلىك»تە بىلىش نەزەرىيىسى مەسىلىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى

«قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم جەۋاھىرات سارايى ئونىڭ ئورىگىنال ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بىلىش نەزەرىيىسى تەلىماتلار تىزمىسىدىن ئىبارەت.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرىدىن ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشقا ئۆتۈش ئارىسىدا بىلىش نەزەرىيىسى مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغان.

شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، بىلىش نەزەرىيىسى پەلسەپىنىڭ مۇھىم دائىرىسى بولۇپ، ئىنساننىڭ رېئال دۇنيانى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشىگە ئائىت دۇنيا قاراش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭسىز مەدەنىيەت تارىخىنىڭ

225-بەت

ئاساسلىرىنى، ئىلىم – پەن خەزىنىسىنىڭ پەلسەپىۋى ئاچقۇچىنى ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ «قۇتادغۇبىلىك»تىن ئىبارەت كلاسسىك ئەسەردە بىلىش نەزەرىيىسى مەسىلىلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيىتى شارائىتىدىكى ھۆكۈمران ئىدىئولوگىيە ھېسابلانغان كالامىزىم تەرغىباتىدا بىلىش پەقەت ئىنساننىڭ تەڭرىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۆزىنىڭ پاسسىپ، بويسۇنغۇچى، ئىتائەتمەنلىك سالاھىيىتىنى تەن ئېلىشى دائىرىسىدە غەيرى ئەقلىيلىك (ئىررائىتسىئونالىزملىق)① ۋە نادانلاشتۇرۇش خاراكتېرى ئالغانىدى. مۇنداق بىلىش ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەقسىتىدە دۇنيانى بىلىش، پەن ۋە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىنى يورۇتماستىن، ئەكسىچە، ئىنساننى تەقۋادارلىق، تەركىدۇنيالىق ۋە ئىلاھىيەتچىلىك كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا «ئۆز گۇناھلىرى»نى چۈشىنىپ، توۋا – ئىستىغپار قىلىش يولىغا دەۋەت قىلاتتى. بۇ ھال ئىنسان ۋە ئۇنىڭ بىلىش ئىقتىدارى، ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىم، ئىنساننىڭ ھەقىقەتنىڭ ئاساسى ۋە ئۆلچىمى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىلغار راتسىئونالىزملىق كۆزقاراشنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدىكى ئالاھىدە تارىخىي تۆھپىسى ۋە پەلسەپىۋى قىممىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا تىلغا ئېلىنغان بىلىش نەزەرىيىسىگە ئائىت ئىلغار راتسىئونالىزملىق كۆز قاراشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىمۇ ئىككى تەرەپلىمە بولغان. ئۇنىڭ بىرى مۆتەپەككۇرنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچىسى،

① ئىررائىتسىئونالزم – ئەقىل ۋە ئەقلىي بىلىشكە، راتسىئونالىزمغا قارشى پەلسەپىۋى ئېقىم.

226-بەت

مۇئەللىپنىڭ ئەقىل، بىلىم، ئادالەتلىك قانۇن ۋە ئەخلاقنى ئۇل قىلغان پازىل — سوتسىيالىزاتسىيىلىك جەمئىيەت قاراشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىش ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى قاراشلىرى يالغۇز ئىسلامىيەت شەرقىدە ئەركىن تەپەككۇرغا ئىلھام بولغان مۇتەپەككۇر پىكىر ئېقىمى بىلەن فارابىنىڭ، جۈملىدىن ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك بىلىش قاراشلىرىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىپ قالماي، يەنە ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىش نەزەرىيىسى قاراشلىرىدىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق جەۋھەرلەردىن بىۋاسىتە ئوزۇقلانغانىدى.

مەلۇمكى، ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا ئەقىل، بىلىم، دانالىق، ئەخلاق ۋە بەخت — سائادەت چۈشەنچىلىرى كاتېگورىيىلىك چۈشەنچە شەكىلنى ئالغان بولۇپ، بىلىملىكلەر ماختىلىپ، بىلىمسىزلىك ئەيىبلەنگەنىدى. تەتقىقات ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى دەستۇرلىرىدا «كۆز قاراش» (كۆرۈم) ، «سەزگۈ» (تەگىنمەك) ، «تۇيغۇ» (تويماق) ، «سەزگۈ ئەزالار» (قاچىغ ئۇرۇنلار) ، «ھېس» (بۆرۈتمەك) ، «گۇمان» (ئىككىرچۈ) ، «بىلىش» (بۆگۈلەنمەك) ، «ھەقىقەت» (كېرتۈ، چىن) ، «ساختا» (يالغان) ، «خاتالىق» (ياڭلۇغ) ، «ھېسسىي بىلىش» (تويماق بىلىگ) ، «ئەقلىي بىلىش» (بىلگە بىلىگ) ، «ئىسپات» (تانۇغلۇق) ، «ئەقىل» (ئۇقۇش) قاتارلىق بىلىش كاتېگورىيىلىرى بولغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەنئەنىۋى قاراشلاردىكى «ئۆگ تەڭرى» ، «بىلىگ تەڭرى» قاتارلىق خۇراپىي قاراشلارنى شاللىۋېتىپ، ئەقىلنىڭ توغرىلىقى (مەسىلەن، «ئالتۇن يارۇغ» دىكى: «ئۆگ — قارىنتا — ئۇمايدا» دېگەندەك) ، سەزگۈنىڭ سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقى (مەسىلەن،

227-بەت

«ئۇيغۇرچە بوددا تېكىستلىرى» دىكى: «ئالتى قاچىغ ئورۇنلار بولماسا بۇرۈتمەك بولماز» — ئالتى سەزگۈ ئەزالىرى بولمىسا سېزىش بولمايدۇ) ، ياخشى ئىشنىڭ ئۆلمەسلىكى (مەسىلەن، «تۇرپان تېكىستلىرى» دىكى: «ئۆلگۈسۈز بويان ئىدگۈ قىلىنج») قاتارلىق ئەبەدىيلىك ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەپەككۇر بوشلۇقى ۋە بىلىش سىستېمىسى مەسىلىلىرىدە فارابىدىن كېيىن ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى بولغان يەنە بىر ئېگىزلىك پەيدا قىلدى. ئۇنىڭچە، پەقەت ئىنسان ئۆز قەدرىنى بىلگەندىلا، ئۆزىنىڭ ئەقىل ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلغاندىلا بىلىم مەلەكىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بىلىم مەلەكىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئادالەتلىك، پەزىلەتلىك ۋە سائادەتلىك جەمئىيەت يارىتىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىدىن ئىبارەت ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دىننىي قۇللاشتۇرۇش جاھالەتچىلىككە قارشى، ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئازادلىقى ۋە ئىنسان ئۆز بەختى - سائادىتى ئۈچۈن ئۆزى ئاكتىپ كۆرەش قىلىش تەشەببۇسى بىلەن مەيدانغا چىققان ئەزىمەت بولدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنىڭ قاتمۇ قات قارا تۈتەكلىرى ئىچىدە ئىنساننىڭ نوپۇزىنى تىكلىدى؛ ئىنساندىكى ئەقىل — پاراسەت بىلەن بىلىمنىڭ نوپۇزىنى تىكلىدى؛ ئەقىل — پاراسەت بىلەن بىلىمدە بىلىشنىڭ نوپۇزىنى تىكلىدى. شۇ ئارقىلىق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىلاھىيەتچىلىك ۋە سوپىزم تەرغىباتىغا زىت ھالدا، تەقىپ قىلىنىۋاتقان راتسىئونالىزملىق بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىنسان ئەقىل ۋە بىلىم تۈپەيلى قۇدرەتلىك. ئەقىلسىز ۋە بىلىمسىز كىشى مېۋىسىز دەرەخ، جان كىرگۈزۈلمىگەن لاي قورچاقتىن ئىبارەت. بىلىمسىزلىك ئىجتىمائىي كېسەللىك بولۇپ، بارلىق يامانلىق ۋە

228-بەت

خارابلىشىشنىڭ مەنبەسى. مۇتەپەككۇر پۈتۈن جەمئىيەتنى نادانلىقتىن ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىلىم ئېلىشقا چاقىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىش توغرىسىدىكى بۇ ھېكمەت كىتابىنىڭ 297 - ، 1843 - ، 2455 - ، 157 - ، 158 - بېيىتلىرىدا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

ئوقۇشقا تۇرۇر بۇ ئاغىرلىق ئېتىك ئوقۇشسىز كىشى بىر ئاۋۇچچا تەتىك [ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي، ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي.] بىلىكىن سەچىلدى كىشى يىلقىدىن بىلىكتە بەدۈكرەك نەگۇ بار ئادىن [بىلىملە پەرقىلىنۇر كىشى يىلقىدىن، نېمە بار بۈيۈكرەك بۆلەك بىلىمدىن.] ئوقۇشسىز كىشى ئول يەمىشسىز يىغاچ [ئەقىلسىز كىشىدۇر يېمىشسىز ياغاچ.] بىلىكسىز كىشى بارچا ئېگلىگ بولۇر ئىگىگ ئەملەمەسە كىشى تېرك ئۆلۇر [بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، داۋالانمىسا ئۇ تېز كىلا ئۆلۈر.] يورى ئاي بىلىكسىز ئېگنىنى ئوتا بىلىكسىز ئوتىن سەن ئاي بىلگە قوتا [كېسەلنى داۋالا، بار، ئەي بىلمىگەن، ئەي ئالىم نادانغا داۋا ئەيلە سەن.]

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىلىش نەزەرىيىسى مەسىلىلىرى بىرىنچىدىن مول، ئىككىنچىدىن ئەمەلىي. ئۇ ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارى — ئەقلى ئىقتىدار، سەزگۈ ئەزالىرى ۋە مېڭە، تىل ۋە تەپەككۇر، بىلىش جەريانلىرى، بىلىش ۋە بىلىم، ھەقىقەت ۋە خاتالىق، ئەمەلىي پائالىيەت قاتارلىق كۆپ جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

229-بەت

2 . «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىنساننىڭ ئۆزئەللىكى ۋە پائالىيەتچانلىقى ھەققىدە

ئىنسان — يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنى تۈزەشتە ئەڭ پائالىيەتچى نەرسە ھېسابلىناتتى . ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا «يەتتە يۇلتۇز ۋە 12 بۇرچ بايانىدا» ناملىق بەشىنچى بابنى تاماملاۋېتىپ، بۇرۇنلا :

باسا ئايدىم ئەمدى مۇنۇ يالغۇغۇغ ئاغىرلىقى بولدى بىلىك تۈگ ئوقۇغ [بۇ ئىنسان بايانىن قىلاي ئەمدى مەن، قەدر تاپتى ئەقلى، بىلىم - تال بىلەن① .]

دەپ، ئىنسان تېمىسىغا بۇرۇلىدۇ . ئۇنىڭچە، ئاسمان سىستېمىسىدا يۇلتۇز بىلەن ئاي، قۇياش، زېمىن كۆكسىدە ئىنسان ئاساسىي تېما ھېسابلىناتتى .

بىرىنچى، ئىنسان — تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان توغرىسىدا توختالغاندا، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى بىلىش ئىقتىدارى ئۆزئەللىكلىرى ۋە ئىجتىمائىي بەخت - سائادەت ئۈچۈن كۆرەش تەشەببۇسكارلىقىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانىدى . ئۇ بۇ مەسىلىنى ئالدى بىلەن ئىنسانىدىكى تەبىئەتلىك ئالامەتلىرىدىن ئىزدەشكە كىرىشتى .

مەلۇمكى، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى ئورنى مەسىلىسى پەلسەپە مۇھاكىمىسى تارىخىنىڭ مەركىزى

① «قۇتادغۇبىلىك» ، 147 - بېيىت .

230-بەت

تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەندى.

ئادەم ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنى مەسىلىسى ئەينى زاماندىكى دىنىي ئىدېئالىستىك تەلىماتلاردا، جۈملىدىن كالام تەلىماتلىرىنىڭ تەقدىرچىلىك تەرەپلىرىدە پۈتۈنلەي سەلبىي، پاسسىپ، قوللۇق نۇقتىسىدىن ئىزاھلىنىپ، بارلىق ئىنسانىي ئەقىل - پاراسەت، ئەركىن پىكىر ۋە ئىرادە ئىختىيارلىقى گۇناھى ئەيىب ئاستىدا تەقىب قىلىنغانىدى. ئىنسان ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەقدىر ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى مۇئتەزىلىزملىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كۆز قاراشلارنىڭ نامايەندىلىرى خۇددى باغداتلىق مۇتەپەككۇر مەنسۇر ھەللاجى [13] دەك روھانىيلار تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان ياكى شىرازلىق شائىر ئەبۇ تەيىب ئەل مۇتەنەببى [14] دەك يوشۇرۇن سۈيىقەستچىلەر تەرىپىدىن تىغ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندى. بىراق، زۇلۇمەت دەھشىتى ھەقىقەت يولىدىكى ئىزدەنىشنى توسۇپ قالالىغان ئەمەس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئالدى بىلەن، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلەنگەنلىكىدىن ئىبارەت تەبئىي مۇقەررەرلىك ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ كىشى ئىرادىسىگە ۋە شاھ ياكى گادايلىققا قاراشلىق ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ئىنساننىڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھال مۇتەپەككۇرنىڭ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقى توغرىسىدىكى باشقا پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا ئاساس سالغان. ئۇ ئىنساننىڭ تەبئىي خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە تۇغۇلۇش، كېسەل بولۇش، قېرىش ۋە ئۆلۈشى توغرىسىدا ھەرخىل ئوبرازلىق تەسۋىرلەر بايان قىلغان. ئۇ داستاننىڭ 1465 - ۋە 1540 - بېيىتلىرىدا بۇ ھەقتە روشەن جۈملىلەر بىلەن مۇنداق يازىدۇ:

كەچكىلى تۇرۇر دۇنيا كېچى ساقتىن

231-بەت

كەلگىلى ئۆلۈم ئۆترۈ كەلدى ساقىن [جاھان ئۆتكۈچىدۇر، ئۆنى ئۆتتى بىل، ئۆلۈم كەلگۈچىدۇر، ئۆنى كەلدى بىل.] ئەسىز ئەدگۈ قالماز نەچە تۈز ئۆلۈر ئۇلۇغ يا كىچىك تەگ قارا يەر بولۇر [يامان - ياخشى قالماس تامامەن ئۆلۈر، ئۇلۇغۇمۇ، كىچىكمۇ قارا يەر بولۇر.]

داستاندا ئۆلۈمنىڭ مۇتلەق ۋە مۇقەررەرلىكى ئالدىدا تېببەتچىلىك ياكى دانا ئەقىل - پاراسەتنىڭ لال بولىدىغانلىقى (1198 - ، 1778 - بېيىتلاردا) ، ئۆلۈم ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىكى (3617 - ، 4724 - بېيىتلاردا) ، ھەتتا ھارۇن، كەيخىسراۋ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، قەيسەر، مۇسا پەيغەمبەر، سۇلايمان پەيغەمبەر، مۇھەممەد پەيغەمبەر قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرنىڭمۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ئىنسانىي ئوي - تۇيغۇنى ئويغىتىپ، قىسقا ئۆمۈر جەريانىدا ياخشى ئىش قىلىش، ياخشى نىشان تىكلەشنى دەۋەت قىلىدۇ. داستاننىڭ 1522 - ، 180 - بېيىتلىرىدا مۇنداق دالالەت قىلىدۇ:

بولۇپ تۇغما دۇق تەگ يىتىپ باردى جان ئازۇندا ئاتى قالدى بەلگۈ نىشان [بولۇپ تۇغمىغانداك يۈتۈپ كەتتى جان، جاھاندا ئېتى قالدى بەلگە - نىشان.] تۇغۇغلى ئۆلۈر كۆر قالار بەلگۈسۈز سۆزۈڭ ئەدگۈ سۆزلە ئۆزۈڭ ئۆلگۈ سۆز [تۇغۇلغان ئۆلەر، كۆر، قالار بەلگىسىز، سۆزۈڭ ياخشى بولسا، ئۆزۈڭ ئۆلگۈسىز.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تۇغۇلماق» ۋە «ئۆلمەك»تىن

232-بەت

ئىبارەت ئىلىم ۋە دىنىي قاراشلار ئۈچۈن ئىختىلاپسىز مۇقەررەر ھادىسىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئۆز تېمىسىنى بىردىنلا ئەينى زامان ئىدېئولوگىيىسى نەزىرىدە غايەت زور ۋە كەسكىن تېما بولغان ئۆمۈرنى قانداق ئۆتكۈزۈش — ئىستىقامەتنى ئاساس قىلىشمۇ ياكى خەلق پاراۋانلىقى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قالدۇرۇش لازىممۇ؟ دېگەن مەسىلىگە يۆتكەيدۇ.

ئىككىنچى، ئىنسان ئىنسان ئۈچۈن ياشىشى لازىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى پائالىيەتچان ئورنى توغرىسىدىكى تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرىنى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بەخت — سائادەت ئۈچۈن ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشى مەسىلىسىگە يۆتكەپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك رېئالىستىك ۋە ئۈمىدۋارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەينى زامان ھۆكۈمران ئىلاھىيەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ روھانىيەتچىل گۇرۇھى بولغان سوپىزم — زاھىتلىق كۆز قاراشلىرى بىلەن توقۇنۇشۇشقا توغرا كەلدى.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئۆزگۈرۈلمىش بىلەن (بەزىدە خاقان كۈنتۇغدى بىلەن) زاھىت ئۆدغۇرمىش (ئۆزبېكچىدە ئۆزغۇرمىش دەپ ئېلىنغان) ئارىسىدىكى رېئال دۇنيا ۋە ئاتالمىش كەلگۈسى دۇنيا، ئۈمىدۋارلىق ۋە تەركىدۇنيالىق، خەلققە ياخشىلىق قىلىش ۋە نوقۇل تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق بىر — بىرىگە زىت تېمىلارنى چۆرىدىگەن بىر قانچە قېتىملىق مۇنازىرىلەر بۇنى تولۇق گۆۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بىز «قۇتادغۇبىلىك»تە بۇ ھەقتە داۋام قىلغان مۇنازىرىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، مۇنازىرىنىڭ بىر تەرەپتىن كەسكىنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى زاماندا مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن يوقىرى قاتلام دىنىي — تەقۋادارلار تەبىقىسىگە ئۆز شارائىتىغا يارىشا سىپايە ۋە تەھەممۇل بىلەن ئىش تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايىمىز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،

233-بەت

مۇئەللىپ رېئال ھايات ۋە ئىجتىمائىي بەخت - سائادەت، خەلققە ياخشىلىق قىلىش، ئىلىم - پەن ۋە ئادالەت بىلەن شۇغۇللىنىش مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈمىدسىزلىك، تەركىدۇنياچىلىق، مەنىۋى قاششاقلىق كۆز قاراشلىرىنى تەكرار - تەكرار رەت قىلىدۇ.

داستاننىڭ 3441 - بېيىتىدا ئۆزگۈلمىش ئاغزىدىن:

قايۇ نەڭ بولۇپ قۇتۇلۇپ ئەمدى ئانى قايۇ تەلوە زاھىد ئاتادى سېنى [نىمە يىغىدۇ ئەمدى قويۇرسەن ئۇنى، قايسى تەلوە ئاتار زاھىت دەپ سېنى؟]

دېسە، 3851 - بېيىتىدا، ئۆزگۈلمىشنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىگە زاھىت ئودغۇرمىشنىڭ سۆز قايتۇرغانلىقىنى، بىر قىسىم سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرالماي كۆزىنى يۇمۇۋالغانلىقىنى تەسىۋىرلەيدۇ:

مەنىڭ سۆزچە بارچا يانۇت قىلدى سۆز تاقى توتتۇم ئەرسە قاتتىغ يۇمدى كۆز [پۈتۈن سۆزلىرىمگە جاۋاب قىلدى سۆز، دېيىشسەم تولاراق، قاتتىق يۇمدى كۆز.]

داستاندا كۆرسىتىلىشىچە، زاھىت ئودغۇرمىشنىڭ «خەلققە ئىشىك ياپماي خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بولمايدۇ» (3341 -، 3793 - بېيىت) ، «ھايات ۋە مۇھەببەت دىننىڭ چوڭ دۈشمىنى» (3344 - بېيىت) ، «ياسانغان كېلىنچەك كۆڭۈلنى ئازدۇرغۇچى» (3540 - بېيىت) ، رېئال دۇنيادىكى «بەخت خۇدادىن يىراقلاشتۇرغۇچى ئىزتىقۇ» (3525 - بېيىت) ، «كۆڭۈل بىر نېپىز شىشە» (3394 - بېيىت) ، «پەرزەنت كۆرۈش

234-بەت

بالايىئاپەت» (3380 بېيىت) ، «ئۆي ئوچاقلىق بولۇش خەتەرلىك كېمىگە چۈشمەكلىك» (3386 بېيىت) ، «ئادەم بىرىنچى گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن يورۇق دۇنيادىن ئىبارەت زندانغا تاشلانغان»① (3521 ، 3522 بېيىت) ، «بۇ دۇنيا جاپا دەۋگاھىدىن ئىبارەت» (3586 ، 4839 بېيىت) ، «بۇ ۋاپاسىز، جاپاكەش دۇنيانى تاشلاپ، ئۇ دۇنيانى ماكان قىل» (4739 ، 5189 بېيىت) قاتارلىق بوددىزم سونياتا دەروۋىشلىكى [15]، ئاۋگۇستىنچە خرىستىئان تەقۋادارلىقى [16] ۋە ئىسلام سوپىزمى كۆز قاراشلىرى ئۆز ئارا تۈگۈلۈمىنىڭ بىر مۇنبەر رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەينى زاماندا ئىراننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قاراخانىيلار تېررورىتورىيىسىگە ئېقىپ كېلىۋاتقان تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىغا بىلدۈرگەن ئېتىرازىنى ئىپادىلىگەنىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زامان روھىيەت سەھنىسىدىكى بۇ جىددىي مەسىلىلەرگە خاقان كۈنتۇغدى، ئۆزگۈرمىش تىلىدىن جاۋاب بەرگەندە ئۆزىنىڭ رېئالىستىك، راتسىئونالىزمچى ۋە گۇمانىزملىق كۆز قاراشلىرىنى چوققۇر ھاياجان ئىچىدە، كەسكىنلىك ۋە روشەنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ پۈتكۈل روھانىيەتچىل سوپىزم ۋە زاھىت ئەھلىگە خىتاب قىلىپ: «كەڭ دۇنيانى تار قىلىۋالماسلىق لازىم» (3649 بېيىت) ، «بۇ دۇنيانىڭ بەخت سائادىتىنى يامانلاپ ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ» (3975 بېيىت) ، «بۇ دۇنيادىكى مال مۈلۈك ھالال تېپىلىپ، توغرا خىراجەت قىلىنسا»

① «تەۋرات» ، «زەبۇر» ۋە «قۇرئان»دا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا تەڭرى (يەھۋا) ئۇلارغا بېغىشلىغان ئېدەم جەننىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئالما («قۇرئان»دا بۇغداي) يېگەن بىرىنچى گۇناھى ئۈچۈن يورۇق دۇنياغا جازا ھېسابىدا چۈشۈرۈلگەن دەپ سۆزلەنگەن.

235-بەت

ياخشىلىققا يول ئاچىدۇ، كېسەلگە ئەچىدەك مەنپەئەت بېغىشلايدۇ» (3977 _، 3979 _ بېيىتلار) ، «بەدەنگە كىيىم _ كېچەك، قورساققا يېمەك _ ئىچمەك، ھاياتلىققا دوست _ قېرىنداش كېرەك» (3664 _، 3665 _ بېيىتلار) ، «ھالالدىن مال _ مۈلۈك تېپىش، يوقسۇللارغا بېرىش لازىم» (3666 _ بېيىت) ، «توي _ ئوچاقلىق ۋە پەرھىزلىك بولۇش يوللۇق» (3371 _ بېيىت) ، «شەھەر _ كەنتلەر ياخشى، ئەل ئارىسىدا ياخشىلىق قىلىشتىن ئارتۇق ساۋاب يوق، يالغۇزلۇق ياۋايىلىق، خەلققە نەپ بەرمەگنلىك» (3499 _، 3407 _، 3425 _، 3974 _ بېيىتلار) ، «ئادەملەر ئارىسىدىكى ھەرخىل ئەھۋاللار ئىچىدە ئۆز نەپسىنى پاك تۇتالىغان كىشى ھەقىقىي كىشى» (3450 _ بېيىت) ، «خۇدادىن تەمە قىلىپ ئىبادەت قىلساڭ نەتىجىلىك بولمايدۇ، خۇدا ئىبادەتكە موھتاج ئەمەس، خۇدانى خۇش قىلىشتىن ئاۋۋال خەلقنى خۇش قىل» (3250 _، 3251 _، 3985 _، 3986 _ بېيىتلار) ، «ھەقىقىي كىشى ئۆز پايدىسىنى تاشلاپ باشقىلار ئۈچۈن جاپا چېكىدۇ، خەلققە شۇ خىل كىشىلەر كېرەك» (3245 _، 3248 _ بېيىتلار) ، «گۇناھنى كۆرۈپ دۇنيادىن ئۈمىد ئۈزمە، تائەتكە ئىشنىپ ھەددىدىن ئاشما» (3674 _ بېيىت) ، «بىلىشنى ئەقىدە ۋە ئىبادەتنىڭ ئالدىغا قوي» (3221 _ بېيىت) دەپ جاكارلايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئاساسلىق ماددىي شەرتلىرىنى ۋە ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرنى بىرىنچى دەرىجىلىك ھاياتى زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە تەكىتلەپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئورنىغا ھامىيلىق قىلىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە خالىسانلىق بىلەن باشقىلار ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشنى، خەلققە، ئالدى بىلەن نامرات خەلققە خەيرىخاھلىق ۋە ياخشىلىق قىلىشنى ئىبادەتتىن ئۈستۈن ھېسابلايدۇ. ئۇ خەلقپەرۋەرلىك ۋە تەركىدۇنيالىق، بىلىمگە بېرىلىش ۋە

236-بەت

ئىبادەتكە كىرىشىش ئۈستىدە توختىلىپ، داستاننىڭ 3243 – 3225 – بېيىتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

نەماز روزە بارچە ئۆز ئاسغى تۇرۇر ئۆز ئاسغىن تىلەگلى باغيرسىز بولۇر [بۇ روزى – نامازلار ئۆز پايداڭ ئۈچۈن، ئۆز نەپىنى دېگەنلەر رەھىمسىز بولۇر.] بىلىمسىز تاپۇغ قىلمىشىندا كۆرۈ بىلىكلىگ ئۆدۈمىش مۇيانى ئۆرۈ [بىلىمسىز قىلىنغان تائەتتىن كۆرە، گەر ئۇقۇلەر بىلىملىك ساۋابى ئۈرە.]

روشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ شەيخ سەئدى (1202 – 1291)، ھافىز شىرازى (1320 – 1389)، بولۇپمۇ خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى (1314 – 1388) ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانپەرۋەر – ئۈمىدۋار قاراشلاردىن خېلى ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ رېئال ھاياتى ۋە ئۇنى ئاقىلانە ئۇيۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي بەخت – سائادەت يارىتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ زاھىتلارنىڭ دەل ماھىيىتىنى پاش قىلغان ھالدا، ئۇلارنى 3443 – بېيىتتا رېئال ھاياتقا مەنسىتمەسلىك بىلەن، يېڭىلگەن، ئۈمىدسىزلىككە چۈشكەن، بارلىق تەدبىر، ھەتتا ھىلىلىرى كارغا كەلمىگەنلىكتىن كېيىن سوپىلىق يولىغا قەدەم قويغان تەلۆلەر دەپ ئاتاپ، مۇنداق دەيدۇ:

تىلەپ بولماسا بارچا زاھىد بولۇر سەبىردە ئادىن ھىلە بولماز تۇرۇر [تىلەككە يەتكۈنلەر زاھىت بولۇر، بۆلەك ھىلىسى يوق، ئۇ سەبىر قىتۇر.]

237-بەت

بۇ، مۇتەپەككۇرنىڭ ئىنساننىڭ دۇنيادىكى پائالىيەتچان ئورنىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تېپىپ كەلگەن ئوتلۇق قەلبىنىڭ ھەقىقىي يالقۇنى ئىدى.

شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى تۆتىنچى پېرسوناژ — ئودغۇرمىش مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق كاتېگورىيىلەر گەۋدىلىنىشى بولۇپ، سوپى - زاھىتلىق، خۇددى بۇددىست راھىبلىرىدەك تەركىدۇنيالىق — تەرەققىيچىلىك ئونىڭ بىرلا ئالامىتى ئىدى. ئودغۇرمىش يەنە قانائەت — ئىنسان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش سىۋىلىزاتسىيىسىگە ھەم ئالەمگە نىسپىيلىك نۇقتىسىدىن قاراش ئېڭىنىمۇ ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇ جەھەتلەر ئۈستىدە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز.

ئۈچىنچى، ئىنسان — ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجىسى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنساننىڭ ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىشى، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئەڭ چوڭ ياخشىلىق دەپ ئىزاھلىغاندىن كېيىن، مۇنداق قىلىشقا ئىنسان قابىلمۇ؟ ئىنسان ئىرادە ئەركىنلىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە قادىرمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە، باشقىچە ئېيتقاندا ئىنساننىڭ پائالىيەتچانلىق مۇمكىنلىكلىرى مەسىلىسىگە توختىلىدۇ.

روشەنكى، ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا «قايتا تىرىلمەسلىك» كۆز قاراشلىرى «باقىي ئالەم» ئەپسانىلىرىنىڭ دەبدەبىسىنى شۈبھە ئاستىغا قويغىنىدەك، «ئەركىن ئىرادە» كۆز قاراشلىرىمۇ «لەۋھۇل مەھفۇز»، «تەقدىرۇل ئىلاھىيە» قاتارلىق تەقدىرچىلىك (پاتالىزم) ئەقىدىلىرىگە قارشى قويۇلغان يەنە بىر شاھمات پىشكىسى ئىدى.

كارل ماركىس: «ھاكىمىمۇتلەق تۈزۈمنىڭ

238-بەت

«بىردىنبىر پرىنسىپى ئىنسانىيەتنى كەمسىتىشتۇر» ① دېسە، ف. ئېنگېلس: «ئىلاھىيەتچىلىكنىڭ ئەقلىي پائالىيەتنىڭ بارلىق دائىرىلىرىدىكى مۇنداق ئالىي ھوقۇقى ئەينى زامان دىنىي مۇئەسسەسەلىرى ئىگىلىگەن مەۋقەنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر» ② دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. دىننىڭ مېغىزى دەل تەقدىرچىلىكتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئىسلامىيەت شەرقدە تەقدىرچىلىك ئەقىدىلىرى ئىلاھىيەتچىلىك ۋە فېئودال ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ مەركىزىي تايانچى سۈپىتىدە ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇشتىن باشلاپلا كۆچۈپ تەرغىب قىلىنىدىغان تېمىغا ئايلانغانىدى. كالام ئۆلىمالىرىنىڭ (مۇتەكەللىمۇن) ئۆز - نەسەبلىرىدە، ئىنساننىڭ ھايات - تەقدىرى، ياخشى - يامان پەزىلىتى ۋە ئىش - ھەرىكىتى، ئۆلگەندىن كېيىنكى قىسمىتى پۈتۈنلەي «تەقدىرى ئىلاھىيە» بويىچە «لەۋھۇل مەھفۇز» (تەقدىر تاختىسى) دا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئىنساندا ھېچقانداق شەخسىي ئىرادە ئەركىنلىكى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دېيىلگەن. «تەقدىرى ئىلاھىيە» تەلىماتى ئىنسانغا زىت قارالغان ئەڭ ئالىي مۇتلەق ھوقۇقلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا گۇمانلىنىش، قارشىلىق قىلىش قاتتىق تەقىب قىلىنغان.

ئەمما، بۇخىل مۇتلەق ھوقۇقنىڭ نوپۇزىغا گۇمانلانغۇچى، ئۇنى باشقىچە ئىزاھلىغۇچى، ھەتتا ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگۈچى پىكىر ئېقىملىرىمۇ يۈز بەردى. ھەممىدىن ئىلگىرى گرېك پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇتەزىلىلەر بىلەن X ئەسىر ئېنسىكلوپېدىستلىرى — «پاك قېرىنداشلار» ئىلمىي

① كارل ماركس: «نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى ھەققىدىكى خەت - چەكلەر»، «ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، خەنزۇچە نەشرى، 1 توم، 411 - بەت. ② ف. ئېنگېلس: «گېرمانىيىدە دېھقانلار ئۇرۇشى»، رۇسچە نەشرى، 33 - بەت.

239-بەت

گورۇھىدىكىلەر ئادەمنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ئونىڭ ياخشى - يامان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا باغلىق بولۇپ، «تەقدىر ئىلاھىيە» دە پۈتۈلمىگەن، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار: ئەگەر بەخت - سائادەت، ئازاب - ئوقۇبەت، ساۋاب - گۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىشى - ھەرىكىتىگە باغلىق بولمىغان، بەلكى «تەقدىر ئىلاھىيە»دە بېكىتىلگەن بولسا، تەقدىردە پۈتۈلگەن گۇناھ ئۈچۈن ئىنساننىڭ جازالىنىشى ئادالەتسىزلىك بولمامدۇ؟ تەڭرىنىڭ جازادا ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ئىرادە ئەركىنلىكى كىشىلەردە بولغان بولۇشى زۆرۈر، دېيىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئەلمۇئادىل» تەرەپدارلىرى دەپ ئاتاشتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسەتكە تايىنىپ ئىجتىمائىي ياخشىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئۇلار مۇشۇنداق مەنتىقىلىق مۇھاكىمە ئاساسى بىلەن تەڭرىنى تەقدىر ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، بۇ ھوقۇقنى ئىنساننىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ كېلىشنى تەشەببۇس قىلىشتى. خەلىپە مەئمۇن ۋاقتىدا ئۈستۈنلۈك ئالغان «ئەلمۇئادىل» كۆز قاراشلىرى ئونىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىدە، بولۇپمۇ خەلىپە مۇئتەدى دەۋرىدە قاتتىق باستۇرۇلغانىدى. ئەبۇ نەسىر فارابى ئىنساننىڭ يول تاللىشى ۋە ئىرادە ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي تەلىماتىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىپ، بۇنداق ئەركىن تاللاشنى كىشىنىڭ تەقدىر ئىلاھىيە ياكى تۇغما ئىقتىدارىغا باغلىق بولمىغان «ئېرىشىلگەن» مەنىۋى نەتىجە، دەپ يېڭىباشتىن ئىزاھلىدى. ئۇ «بەختكە ئېرىشىش يوللىرى توغرىسىدىكى رىسالە» ناملىق ماقالىسىدە: «ياخشى ئەخلاق بىلەن تەپەككۇر كۈچى ھەر ئىككىسى بىرلىكتە كىشى پىكرى قىممىتىنى شۇنداق ئاشۇرىدۇكى، ئونىڭ ئۆزدىكى ياكى ئونىڭ پائالىيىتىدىكى ھەربىر پەزىلەت يۈكسەكلىك ۋە كامالەتتىن

240-بەت

تەشكىل تاپقان بولىدۇ» ① دەپ يازدى. فارابى ياخشى - يامان پائالىيەتلەرنى ئەقىل - تەپەككۇر ئاساسىدىكى ئەركىن تاللاش ئاساسىغا قويغان: فارابى پەقەت ئەقلىي بىلىشكە تايىنىدىغان ئىنسانلا تاللاش ۋە ئىرادە ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ دەپ قارىغان. ئۇنىڭچە «ئەقىللىق ئادەملا شۇنىڭ بىلەن بىللە پەزىلەتلىك ئادەم ھېسابلىناتتى» ② .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنساننىڭ ئۆز ھايات - پائالىيىتىنى، ئەخلاقىي ياخشى - يامانلىقى جەھەتتىكى ئۆز تەقدىرىنى («قۇتادغۇبىلىك») ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە بىلىم سەۋىيىسىگە تايىنىپ ئەركىن - ئىختىيارى تاللىيالايدۇ، دېگەن فارابى كۆز قاراشلىرىغا ۋارىسىلىق قىلىپ، ئۇنى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن ھەم ئىلىم ئاساسىدىكى ئادالەت ۋە خەلقپەرۋەرلىكى مەسىلىسىگە تەتبىق قىلىپ، ئۆزۈگە خاس ئىجتىمائىي سىياسىي كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنى، ئىنساننىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئىنساننىڭ ئۆزى بەلگىلىشى، ئۆزۈنىڭ تەقدىر - ئىستىقبالىنى ئۆزى بەلگىلىشى، ھەممە ئىشتا تەقدىر ئىلاھىيەتكە قاراپ قالماسلىقى توغرىسىدىكى پائالىيەتچان ئىدىيىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەندى. بۇ ھەقتە ئۇ داستاننىڭ 238 -، 239 -، 244 -، 1485 -، 1486 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئىكى تۈرلۈك ئات ئول بۇ تىلدە يورىر

① فارابى: «بەختكە ئېرىشىش يوللىرى توغرىسىدا رىسالە» (ئەلفارابى: «ئىجتىمائىي ئەخلاقىي رىسالىلەر»، رۇسچە 1976 - يىل نەشرى، 11 - بەت).

② فارابى: «ئەقىل مەنىسى ھەققەدە» (فارابى: «ئەقىل ۋە ئىلىم ھەققەدە»، رۇسچە 1975 - يىل نەشرى، 6 - بەت).

241-بەت

بىر ئۆلگۈ بىر ئەسىز ئاژۇندا قالار [ كىشىدە ئىككى ئات ، بۇ تىلدا يۈرۈر ، بىر ياخشى ، بىر ئەسكى جاھاندا قالۇر . ] ئەسىزگە سۆكۈش ئۆلگۈ تۈگەدى بولۇر ئۆزۈڭگە باقا كۆر قايۇسۇن قولۇر [ يامانى سۆكۈلۈر ، ياخشى ماختىلۇر ، قاراپ كۆر ئۆزۈڭگە قايسىسى ياقۇر . ] قايۇسۇن تىلىسە ئۆ دۈرگىل بىرىن ئەسىز ئۆلگۈ بولسا ئۆكۈنمە يارىن [ قايۇسۇن تىلىسەڭ ، بىرىن تاللىغىن ، يامان ياخشىلىققا ئۆكۈنمە كېيىن . ] قامۇغ نەڭگە تەڭرى قىلۇر ئول سەبەب قامۇغ ئۆلگۈ ئەسىز ئاگار ئۆز تولەپ [ ھەر ئىشقا قىلۇر بىر سەۋەبنى خۇدا ، يامان يا ياخشىلىق ئۆزۈك قولۇڭدا . ] ئوغۇل قىز سەبەبى ئاتا ئول ئانا قىلىنچ ئارتا سا يا ئەتلسە يانا [ ئوغۇل قىز سەۋەبى ئاتا ھەم ئانا ، قىلىقىن ئۆز بۇزار ئۆز تۈزەر يانا . ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنساننى تەڭرى ياراتقان ، بىراق ئىنساننىڭ ياخشى يامانلىققا نىسبەتەن ئىرا دە ھەم شىجائەت قىلىش قىلماسلىقى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ، ئۇ خۇددى ئاتا ئانىنىڭ پەرزەنتىنىڭ تۆرە لىشىگە سەۋەب بولۇپ ، پەزىلەت پەرزەنتىنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولغىنىغا ئوخشاش ، دەپ كۆرسىتىدۇ . ئۇنىڭچە ، ئەقىل پاراسەت ۋە بىلىم تۆپەيلى ئادەم ئۆز تىلىكىگە يېتىدۇ . ئۇ داستاننىڭ 159 بېيتىدا ئەقىل پاراسەتنىڭ ئۆز تەقدىرى ۋە ھايات يولىنى يۆگەنلەشتىكى غايەت مۇھىم رولىنى مۇنداق ئىخچاملايدۇ :

242-بەت

ئوقۇش ئول بۇرۇندۇق ئانى يەتسە ئەر تىلەككە تەگەر ئول تۈمەن ئارزۇ يەر [ئەقىل بىر يۆگەنەدۇر، ئاڭا يەتسە ئەر، تۈمەن مىڭ تىلىكى ھەم بولسا يېتەر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ نادىر كىتابى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ھەقىقىي كامالىتى تەتقىق قىلىنغان كلاسسىك دەستۇر سۈپىتىدە باشتىن - ئاخىر ئىنساننى مەركەز قىلىپ بايان قىلىنغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى تىپىك بېيىتلار ھەممە سەھىپىلەردە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ.

3. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئەقىل، بىلىم ۋە بەخت كاتېگورىيىلىرى

«قۇتادغۇبىلىك»تە ئەقىل، بىلىم، بەخت كاتېگورىيىلىرى ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارى، ئەڭ ئاساسىي ۋاستىسى ۋە ئەڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي مەقسەتدارلىقىنىڭ ئۈچ ھالقىلىق سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن ھەم بىر ئائىلىدىكى ئىككى پېرسوناژ، ھەم بىرسى بىقارار، بىرسى بىر قارارلىق خاسىيەت بىلەن تەسۋىرلەنگەن — ئايتولدى بىلەن ئۆگدۈلمىش مۇئەللىپنىڭ راتسىئونالىزمنى گۇمانىزىمغا خىزمەت قىلدۇرۇش روھىنى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي بەخت - سائادەتكە ئەقىل ۋە بىلىمنى ۋاستە قىلىش ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

پەلسەپە تارىخىدا ئەقىل ھەققىدە توختالمىغان پەيلاسوپ بولمىسا كېرەك. دېموكرىتمۇ، پلاتونمۇ ئەقىل ھەققىدە توختالغان. پلاتون خاس «ئالەم ئەقلى»، «غايىۋى ئەقىل» ئارقىلىق ئالەمنىڭ مەنبەسى، ماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى «دۇم كۆنتۇرۇپ» ئىزاهلىماقچى بولغان. فارابىمۇ «مۇمكىنلىك

243-بەت

ئەقىل»، «ئېرىشمە ئەقىل»، «پائال ئەقىل»، «ئەمەلىي ئەقىل»دىن ئىبارەت تۆت خىل ئەقىل ئۈستىدە توختالغان. دەرهەقىقەت، بەخت - سائادەت كاتېگورىيىسى ئۈستىدىمۇ قەدىمكى زاماندىلا مەيلى شەرق ياكى غەرب، مەيلى دىنىي ياكى پەلسەپىۋى جەھەتتىن بولسۇن كۆپ ئىزدىنىشلەر بولغان. بۇنداق ئىزدىنىشنىڭ قەدىمكى ۋەكىلى پلاتون («غايىۋى دۆلەت» ئەسىرى ئارقىلىق) بولسا، ئۇنىڭغا يېقىنقى ۋەكىلى فېيىرباخ («بەختنامە» ئەسىرى ئارقىلىق) ئىدى. ئەھۋالنىكى، خېلى كۆپلەنگەن مۇتەپەككۇرلار ئەقىل مەسىلىسىنى ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستىك كۆز قاراشلارنىڭ ئەرش كۇرسىغا ھېسىپ قويۇپ، ئۇنى رېئال دۇنيا ۋە جانلىق ئىنسان تۈركۈملىرى بىلەن ئالاقىسىز قىلىپ قويسا، يەنە بەزىلىرى خىيالىي ۋە شېرىن ئېستېتىك قۇلۇلە قېپىغا سېلىپ قويۇپ، ئۇنى يەنىلا رېئال دۇنيا ۋە جانلىق كىشىلىكتىن ئاجرىتىۋەتكەنتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپقىچە ئىسلام مۇتەززىلىزمچىلىرى «تەقدىر» جاھالىتىنى «ئەقىل» مىزانى بىلەن زەخمىلەندۈرۈشتى، ئەمما يېڭى غايىۋى جەمئىيەت ئۈلگىلىرىنى بولسا كۆرسىتەلمىدى. ئۇلار يەنىلا يەتتە ئىقلىمدىكى يەتتە جەننەت تەسەۋۋۇرلىرىغا سۆيۈنۈشەتتى. فارابى گەرچە بەختكە ئېرىشىش يوللىرى ھەققىدە ھەر تەرەپلىمە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ شىمالىي سۈرىيە ۋە مىسىر ئارىلىقىدا مۇساپىرانە ئىستىقامەتتە تۇرغان بولغاچقا، ئۆز نەسەبىدىكى قاراخانىيلار سەلتەنىتىدىن ۋە خەلقىدىن يىراقتا تۇراتتى. ئىپەقەت يۈسۈپ خاس ھاجىپلا بۇ جەھەتتىكى ئۆزۈكلۈكنى تۇتاشتۇردى ۋە بوغراخانلار خاقانىيىسىدە ئادالەتلىك قانۇن ۋە ئەقىل - بىلىم ئاساسىدا ئىجتىمائىي بەختنىڭ ئۆز زامانىسىغا مۇناسىپ رېئال پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

244-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان سوبيېكتىدىكى تۇغما ۋە ئېرىشىلگەن ئىقتىدار بولغان ئەقىل بىلەن بىلىمنى ئىنساننىڭ تاشقى ئالەمنى بىلىپ چۈشىنىشىدىكى ئىككى مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە بىر - بىرىگە زىچ باغلاشتۇرۇپ ۋە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇرۇپ چۈشەندۈرگەن ھەم ئىزاھلىغان. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەقىل - پاراسەت («ئۆگ»، «ئۇقۇش») ئىنسان سوبيېكتىنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيا ھادىسىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ماھىيەتلىرىنى بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ سوبيېكتىپ ئىقتىدارىغا قارىتىلغان دۇنيانى بىلىش مۇمكىنلىكىنىڭ ئاساسى ھېسابلىناتتى. بىلىم («بىلىك») (جۈملىدىن ھۈنەر - سەنئەت) بولسا، ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە بىلىش پائالىيىتى تەرىپىدىن بىلىنىلگەن مانا شۇنداق ماھىيەتلىرىنىڭ خەزىنىسى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەگەر بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىنسان بولمىغاندا بىلىش ۋە ئۇنىڭ جەۋھىرى بولغان بىلىمنىڭ بولمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا، بىلىمنى ئۇنىڭ كەينىگە قويۇپ ئىزاھلىدى. ئۇ داستانىنىڭ كۆپلىگەن بېيىتلىرىدا، بولۇپمۇ 155 -، 310 -، 2790 - بېيىتلاردا مۇنداق يازىدۇ:

ئۇقۇشلۇق ئۇقار ئول بىلىكلىگ بىلىر بىلىكلى ئوقۇغلى تىلەككە تەگەر [ئەقىللىق ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۈر، بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۈر.] بىلىك كىميا تەگ ئول نەڭ ئەركلۈ تۇرۇر ئۇقۇش ئوردۇسى ئول نەڭ ئۆگلۈ تۇرۇر

245-بەت

[بىلىم — كىمىيادەك① يىغار نەرسىنى، ئەقلىنىڭ ئوردىسى يىغار ھەممىنى.]

ئوقۇش بولمىسا ئەر ئۆزىنى تۇتۇنالماس بىلىك بولمىسا ئەر ئىشىنى ئەتۈنالماس

[تۇتالمىسا ئۆزىنى ئەر ئەقىل بولمىسا، قىلالماس ئەر ئىشىنى بىلىم بولمىسا.]

دېمەك، مۇتەپەككۇر ئەقىلنى بىلىش (چۈشىنىش) ئىقتىدارى، مۇمكىنلىكى دەپ قاراپ، ئۇنى بىلىم سارىيىغا ئوخشىتىدۇ، بىلىمنى بولسا بۇ ئىقتىداردىن، بۇ مۇمكىنلىكتىن توپلانغان نەتىجە دەپ قاراپ، ئۇنى ئەقىلگە توپلانغان ئېسىل نەرسىلەرگە ئوخشىتىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى ساھەسىدىكى قىممەتلىك نەتىجىلىرىدىن بىرى شۇكى، داستاندا ئەقىل — پاراسەت بىلەن بىلىم ئىنساننىڭ جانلىق — ھاياتى، جىسمانىي ھالىتىگە ۋە بىلىش پائالىيىتىگە باغلانغانلىقىدىن ئىبارەت ئۆز زامانىسى ئۈچۈن تەرەققىيپەرۋەر ھېسابلىنىدىغان ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەقىل — پاراسەت بىلەن بىلىم ئادەمنىڭ جىسمانىي ئەھۋالىغا بېقىنامدۇ — يوق؟ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن مۇنداق پائالىيەتلەر ئاخىرلىشامدۇ — يوق؟ دېگەن مەسىلە بىلەن كىشى تۇغما بىلىملىك، تۇغما دانىشمەن بولامدۇ ياكى بىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، تەلىم ۋە تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق، تۇرمۇش ۋە

① كىمىيا — ھازىرقى خىمىيە ئىلمىنىڭ ئالخىمىيە زامانىدىكى ئاتىلىشى. ئۇ چاغدا مىس ۋە ئەرەب ئالخىمىكلىرى سېھرىگەرلىك بىلەن ماددىلارنى بىر — بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ باشقا خىلدىكى نەرسە گورۇشكىلىرى بىلەن تولغان بولاتتى.

246-بەت

تەجرىبە ئارقىلىق ئاندىن بىلىشكە ئىگە بولامدۇ، دېگەن مەسىلە قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ دىن ۋە تەبىئەت پەلسەپىسى مۇھاكىمە قىلىپ كەلگەن ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ماھىيەتتە ماددا ۋە ئاڭنىڭ قايسىسىنىڭ ئاۋۋال — ئاساس ئىكەنلىكى مەسىلىسىنى ئۆزىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلاتتى. بۇددىزم، خرىستىئان ۋە ئىسلام ئىلاھىيەتچىلىرى بىردەك روھىي ھادىسىلەر جىسمانىي ئەھۋالغا بېقىنمايدۇ، كىشى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن روھ ئۆزىنىڭ «مەڭگۈلۈكى» بويىچە «مۇتلەق» مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ ئىزاھلاشتى. بۇ خىل كۆز قاراش ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەك ئىدىيىسىگە ئاساس سالغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ فارابىنىڭ ئىنسان روھى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھايات پائالىيىتىگە باغلىقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ناتۇرال پانتېئىزملىق كۆز قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، روھىي پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەكىلى بولغان بىلىشنىڭ ھايات پائالىيىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ داستانىنىڭ «بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى بايانىدا» دېگەن بابىدىكى 293 — ، 294 — بېيىتلاردا بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان:

كىچىك تۇغلىنىغ كۆر ئۇقۇشقا ئۇلام ياشى يەتمەگىنچە يورۇماس قۇلام [گۆدەككە قارا، ئۇ تاپۇر ئەقىل ھەم، يېشى تولمىغۇچە يورۇتمەس قەلەم.] ئۇقۇشلۇغ كىشى كۆر قارىسا مۇنار ئۇقۇش كەتتى تەپ ھەم قەلەم مەتىنار [ئەقىللىق كىشى ھەم قېرىسا ئازار، ئەقىل كەتتى دەپ ھەم قەلەممۇ تىنار.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ پەرقى ئۈستىدە توختالغاندا، ئەقىلنى بىلىشتىكى تۇغما ئىقتىدار، تەبىئىي

247-بەت

ئىقتىدار دەپ قاراپ، ئۇنى كېيىن ئېرىشىلىدىغان بىلىمدىن پەرقلىندۇرىدۇ، ئۇ 1827 -، 1828 - بېيىتلاردا كىشىلەر ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرالايدۇ، ئەمما ئەقىل، بىلىش ئىقتىدارى ئۆگىنىشكە باغلىق ئەمەس، بۇ يارىتىلىشتىن، تەبىئەتتىكى تۆت زاتنىڭ تەسىرىدىن دېگەن كۆز قاراشنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

كىشى ئۆگرە نۇر بىلىكى ئارتار ئوقۇش نەچە ئۆگرەنىپ ئوقسا بولماز ئۇقۇش [كىشى ئۆگىنىپ كۆپ تاپار ئىلىم، بىل، ئۆگىنىسە ھەر قانچە، تاپالماس ئەقىل.] باياتتىن ئەرۇر بۇ ئوقۇش بولغۇسى تادۇ بىرلە كىرسە بولۇر بەلگۈسى [ئەقىللىق بولۇش بۇ، تەڭرىدىن بولۇر، تادۇ بىرلە كىرسە بەلگە كۆرۈلۈر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، ئىنساندىكى ھەممە شەرەپلىك خاسىيەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا بىلىش ئىقتىدارى (چۈشىنىش ئىقتىدارى) ئاساسىدا ئېرىشىلگەن ھەقىقىي بىلىمدىن ئىبارەت. ئىنسان تۇغما ھالدا بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ھايۋاندىن پەرق قىلسىمۇ، ئەمما پەقەت بىلىم جەھەتتىكى پەرىقلىرى تۈپەيلى يەنە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. مۆتىۋەر بىلىم مەسىلىسىدە ئىنسانلارنى شاھ ياكى پۇقرا، بەگ ياكى ئاۋام دەپ ئايرىمىغان. بۇ ھەقتە داستاننىڭ 201 - بېيىتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

كىشىدە كىشى ئادرۇقى بار تەلىم بۇ ئادرۇق بىلىمدىن ئايۇر بۇ تەلىم [كىشىدىن كىشىنىڭ تولا پەرقى بار، بىلىمدۇر بۇ پەرق، سۆز شۇ ھەقتە بارار.]

248-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى كۆز قاراشلىرىدا بىلىم ۋە دانىشمەنلىك تۇغما بولماستىن، كىشىنىڭ تۇغۇلۇپ زورىيىشى، تونۇپ بىلىشى ۋە تەربىيىلىنىشى ئاساسىدا تەدرىجىي ھاسىل بولىدىغان، ئېرىشىلىدىغان نەتىجە سۈپىتىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاساسلىق بابلېرىدىن بىرى بولغان «ئۆگۈدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئەلىك خىزمىتىگە كېرەكلىكى بايانىدا» ناملىق بابىنىڭ 1678 ، 1680 ، 1681 ، 1816 ، 1825 بېيىتلىرىدا بىلىم ۋە دانالىقنىڭ تۇغما ئەمەسلىكى كۈنتۇغدىنىڭ سوئالى ۋە ئۇنىڭغا ئۆگۈدۈلمىشنىڭ جاۋابى شەكىلدە مۇنداق بايان قىلىنغان:

ئانادىن تۇغار بۇ كىشى ئازۇ ئۆگرەنۈرمۇ يەتەلسە ياشى [بىلىملىك تۇغۇلۇرمۇ ئاندىن كىشى، ۋە يا ئۆگىنەمدۇ يېتىلسە يېشى؟] بىلىكسىز تۇغار ئول تۆرۈ ئۆگرەنۈر بىلىك بىلە ئۆترۈ قامۇغ ئىش ئۇنۇر [بىلىمسىز تۇغۇلار، يۈرۈپ ئۆگىنۈر، بىلىم بىلە ئىشلار ئۇتۇقلۇق بولۇر.] ئانادىن تۇغۇغلى بىلىكسىز تۇغار بىلىك ئۆگرەنۈر ئۆترۈ تۆرگە ئاغار [ئانادىن تۇغۇلغان بىلىمسىز تۇغار، بىلىمنى ئۆگىنىپ ئۇ تۆرگە چىقار.] كىشى ئۆگرەنىپمۇ بولۇر ئول بۇگۇ ئازۇ تادۇ بىرلە تۇغارمو تەگۇ [كىشى ئۆگىنىپمۇ ھېكىم بولۇپ، بولۇرمۇ تەبىئىي ياكى تۇغۇلۇپ؟] بىلىك تۇت يا ئۆردەم كىشى ئۆگرەنۈر مەگەر بۇ ئۇقۇش ئول تادۇدىن ئۇنۇر

249-بەت

[بىلىم يا پەزلى كىشى ئۆگىنۇر، مەگەر كىم، ئەقىل ئۇ، تەبئىي بولۇر.]

ئالىمنىڭ ماتېرىيالىستىك بىلىش نەزەرىيىسىنى ھاسىل قىلغان قاراشلىرىغا داستاننىڭ 4021 - ، 4022 - بېيىتلىرى تىپىك دەلىلدۇر. ئۇ مۇنداق يازغان:

تۇغما بىلگە تۇغماز كىشى ئۆگرەنۇر تۇغما سۆزلەمەز تىل تۈرۈ سۆزلەنۇر [بىلىملىك تۇغۇلماس كىشى، ئۆگىنۇر، تۇغۇپ سۆز قىلماس تىل، تۈرۈپ سۆز قىلۇر.] كىشى ئۆگرەنىپ ئوترۇ بىلگە بولۇر بىلىك بلسە ئوترۇ قامۇغ ئىش ئۇنۇر [كىشى ئۆگىنىش بىلەن ئالىم بولۇر، بىلىم بىلسە بارچە ئىشلار ئوڭلىنۇر.]

روشەنكى، بۇ جەھەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۆڭ زى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى مېڭ زى رايىشلىق پەلسەپىسىنىڭ «دانىشمەنلەر تۇغۇلۇپلا بىلىملىك بولىدۇ»، «ياق، شۇڭا ئوخشاش دانىشمەنلەر ئۆگىنىپلا ئىستېداتلىق بولغان» دېگەن تۇغما تالانت كۆز قارىشى بىلەن قەدىمكى گرىك پەيلاسوپى پلاتوننىڭ ئەزەلىي «ئىدېئال چۈشەنچىلەر» كۆز قاراشلىرىدىن ئۆزىنىڭ كۆپ دەرىجىدە ئىلغارلىقى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاساسلىق بابلېرى ۋە تېماتىك پىكىر يۆنىلىشى ئىنساننىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە بىلىم ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئىزاھلاش، مەدھىيەلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا قارىتىلغان. بىز «ئوچۇق ئىشىك» نى تاقىلىداتماسلىق ئۈچۈن بۇ بېيىتلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نومۇرلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن قانائەتلىنىمىز. ئۇلار: 152 - ، 154 - ، 186 - ، 1840 - .

250-بەت

1841 -، 2454 -، 2645 - بېيىتلاردىن ئىبارەت.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقىل ۋە بىلىمنى ئىجتىمائىي بەخت - سائادەتنىڭ ئاساسىي يولى، دەپ قارىغان. «بىلىم - سائادەت بېغىشلايدۇ» دېگەن مۇھاكىمە «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ سەرلەۋھىسى بولۇشتىكى سىر ئەنە شۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ XIV ، XV ، XVI بابلاردا مەخسۇس ئايتولدى ئاغزىدىن بەخت - سائادەت ھەققىدە كاتېگورىيىلىك چۈشەنچە بېرىلگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» تە بەخت - سائادەت مەسىلىسى شەخسنىڭ نام - ئاتاق، ئەمەل - مەنسەپ، مال - مۈلۈك، كېيىپ - ساپا ئىچىدە دەۋر سۈرۈشى مەنىسىدە ياكى ئۆلگەندىن كېيىنكى باقى دۇنيا ھۇزۇر - ھالاۋىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى نۇقتىسىدىن، ئاتاپ ئېيتقاندا، مۇتەپەككۇر - بىلىملىك خاقان، ئادالەتلىك قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئاسايىشلىق ھايات، ئىجتىمائىي ياخشىلىقنى گەۋدىلەندۈرگۈچى ئەخلاق - پەزىلەتتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇنىڭچە، دۆلەتتە ئادالەتلىك قانۇن - تۈزۈم، شەخسلەردە گۈزەل ئەخلاق بولماي تۇرۇپ ئىجتىمائىي بەخت - سائادەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىجتىمائىي ھايات تەرەققىياتىنى تېخى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىددىيىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى بارلىق پانتېئىزمچى مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشاش ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن نادانلىق ۋە جاھالەت ئارىسىدىكى كۈرەش ئاساسىدا چۈشىنەتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ شەخسنىڭ جەمئىيەتكە بېقىندىغانلىقىنى، بەخت - سائادەتنىڭ ئىجتىمائىيلىقىنى چۈشەنگەن، مۇشۇ ئاساستا زاھىت ئۆدغۇرمىشنىڭ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، نوقۇل باقى ئالەم

251-بەت

بەخت — سائادەتنى كۆز قارىشىنى قاتتىق سۆككەن.

شۇ نەرسە دىققەتكە سازاۋەركى، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بەخت ئىككى مەنىدە، يەنى بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ نىسپىيلىكى، بىقارارلىقى، قۇشتەك، كېپىنەكتەك، پومزىكتەك تۇتۇق بەرمەسلىكى، بەخت — ئامەت ئىچىدە كەمتەر بولمىغاندا، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولمىغاندا ئۇنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقى مەنىسىدە؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئەقىل، بىلىم ۋە ئادالەتلىك قانون، توغرا باشقۇرۇلغان خەزىنە ۋە خەلق ئىگىلىكى راۋاجىدىن ئىبارەت ئەمەلىي شەرتلەر ئاساسىدا، مۇنداق ئىجابىي تىرىشچانلىقنىڭ ئاخىرقى ئۈنۈمى سۈپىتىدە، رېئال تۇرمۇشتا بەقرار تېپىشى، خەلقنىڭ بېيىپ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى مەنىسىدە مۇھاكىمە قىلىنغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋەزىر ئايتولدىنى بەخت — سائادەتنىڭ ئوبرازلىق سىمۋولى قىلىشى، ئۇنىڭ بارلىق ئۆمىدىنى ئەقىل ۋە بىلىم سىمۋولى بولغان ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە ئاتىشى، خاقان كۈنتۇغدىنى بەخت — سائادەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھامىيسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىشى بۇ نۇقتىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. داستاننىڭ بەخت سىمۋولى ۋەزىر ئايتولدى بىلەن خاقان كۈنتۇغدى ۋە ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىش ئارىسىدىكى سۆھبەتكە ئاتالغان كۆپ سەھىپىلىرىدە، زىددىيەت ۋە ئۇنىڭ مۇئەييەن شەرت ئاستىدىكى بىرلىكى نۇقتىسىدىن بىقرار، تۇراقسىز خاراكتېردىكى بەخت — سائادەتنى بەقرار، مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكى ۋە شەرتلىرى سۆزلەنگەن. داستاننىڭ 713 -، 725 - بېيىتلىرىدا تۇراقسىز بەختنى مەھكەم تۇتۇشنى بىلسە، ئۇ قاچماي بەقرار تۇرىدىغانلىقى ئىزھار قىلىنسا، 727 -، 1289 -، 2647 - بېيىتلىرىدا: «ئەقىل ۋە بىلىم، پەزىلەت ۋە ئادالەت ئېگىز تاغنى باش ئەگدۈرىدۇ»،

252-بەت

«خوشاللىق توغرىلىقتا بولۇپ، توغرىلىقتا چىڭ تۇرغاندىلا خوشاللىق يوقالمايدۇ» دېگەن ئەقىلىيە ئارقىلىق ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى تۇتۇش، پاك ۋە توغرا بولۇشنىڭ بەختنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۇتقۇچ — باغ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ 727 — بېيىتىدا مۇنداق يازىدۇ:

تارىغ بولسا ئۆزى يورىسا كۈنى مۇنىڭ باغى مۇنداق بىلىنگۈ مۇنى [ئۆزى پاكىز، توغرا بولسا ئىشى، بەختنىڭ باغى شۇدۇر، بىلىسە كىشى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەخت — سائادەت كۆز قارىشىدا، بەخت — سائادەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى ئوبيېكتىپ خاراكتېر ئالغان. ئۇ، بەختنىڭ بېقرارلىقىنى، ئۇنى خاھىش بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن يۆگەنلەش لازىملىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئالەمنىڭ ئۆزلۈكسىز ھەرىكىتى، كونىنىڭ ئورنىنى يېڭىنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بەخت ئىچىگە ئاپەت («توقا») نىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى (2938 —، 3548 —، 3549 —، 3550 —، 4918 —، 4926 — بېيىتلاردا)، بىر ئورۇنلاشتە بىر چۈشۈشنىڭ، بىر چۈشۈشتە بىر ئۆرلىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى، بەختنىڭ دوستى بولغان «ئۈمىد» بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن، بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن بەختكە ئېرىشىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. مۇتەپەككۇرنىڭ پىكرىچە، بەختتىن مەھرۇم قىلىپ ئاپەتكە دۇچار قىلىدىغان ئاساسىي خەۋپ ھەر ئىشنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشى ئىدى. ئۇ سۆز — ھەرىكەتتىمۇ لايىقىدا،

253-بەت

مۆتتىدىل بولۇشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كەمتەر ۋە ھوشيار، ئادالەتلىك ۋە پەزىلەتلىك بولۇش، ئۆزىنى تىزگىنلەشنى بىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

4. «قۇتادغۇبىلىك»تە بىلىش ئەزالىرى ۋە بىلىش شەكىللىرى

ف. ئېنگېلس: تەبىئەت ئىنسان ئارقىلىق ئۆزىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولالىدى، دېگەن بىر جۈملە سۆزگە ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە بىلىش ھادىسىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەنئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىش پائالىيىتىنى ئەنئەنىۋى ۋە ئەينى زامان قاراشلىرى بويىچە بىلىش ئەزالىرى — سەزگۈ ئەزالار ۋە مېڭە، بىلىش جەريانلىرى ئارقىلىق بولىدىغان ھادىسە دەپ قارىغان.

مەلۇمكى، «تۇرپان تېكىستلىرى» بىلەن دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە يازما مەنبەلەردىن قارىغاندا، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر خەلقى سەزگۈ («تېگىنمەك»)، سەزگۈ ئەزالىرى («ئالتى قاچۇغ ئورۇنلار»)، ھېسسىي بىلىش («تۇيماق بىلىگ»)، ئەقلىي بىلىش («بىلىگە بىلىگ»)، ھەقىقىي ئەقلىي بىلىش («كۆنى بىلىگە بىلىگ») قاتارلىق بىلىش ئىبارىلىرىنى ئىشلىتىپ، بىلىش ئەزالىرى ۋە بىلىش شەكىللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقان. سەڭقۇ سەلى ئىشلىگەن «ئالتۇن يارۇغ»دا تېرى سەزگۈسى («ئېتۈز قاچۇغ»)، تىل سەزگۈسى («تىل قاچۇغ»)، كۆز سەزگۈسى («كۆز قاچۇغ»)، بۇرۇن سەزگۈسى («بۇرۇن قاچۇغ»)، قۇلاق سەزگۈسى («قۇلاق قاچۇغ») قاتارلىق سەزگۈ ۋە سەزگۈ ئەزالىرى مۇناسىپ ئىبارىلەر بىلەن تىلغا ئېلىنغان. «تۇرپان تېكىستلىرى»دە كۆز، قۇلاق ھەققىدىكى ئاددىي ئىلىملار نامى «كۆز بىلىگ»، «قۇلاق بىلىگ» نامىدا تىلغا ئېلىنغان.

254-بەت

گابائىن خانىم ئېلان قىلغان 133 ۋە 129 بەتلىك ئىككى پارچە ئۇيغۇرچە «تۇرپان تېكىستلىرى»دە: «تويماق بىلىگ تۈتۈنچسىز يارۇق يۇلاتۇر» (ھېسسىي بىلىش خۇددى يالقۇنجاق يورۇق مەشئەلدەك) دەپ، بىرىنچى ئورۇندا ھېسسىي بىلىشنىڭ ھەقىقەتلىك قىممىتى قەيت قىلىنغان. «قوچۇ ئۇيغۇرچە مانى تېكىستلىرى»دە: «بىر ئۇلۇغ تويماق بىلىگ يىلتىزى» (بىلىمنىڭ بىرىنچى يىلتىزى سېزىپ تويماقتۇر) دېيىلسە، «قوچۇ ئۇيغۇرچە بوددا تېكىستلىرى»دە: «ئالتى قاچىغ ئۇرۇنلار بولماسا بۆرۈتمەك بولماس» (ئالتى سېزىم ئەزالىرى بولمىسا سېزىلىش بولمايدۇ) دېيىلگەن. «ئالتۇن يارۇغ»دا: «ئالتى ئۇرۇنلى بۆرۈتمەكلى تېگىنمەك يېمە ئېيىن تۇغار» (ئالتى سېزىم ئەزالىرىدىن سېزگۈ — ھېس تۇغۇلۇر) دېيىلسە، «ئۇيغۇرچە بوددا تېكىستلىرى»دە: «قاچىغ ئاتانغۇ تۆرۈ بىلىگ كۆڭۈل بىرلە قوشۇپ بۆرۈتمەك تېتەر» (سېزگۈ ئەزالىرى ھەقىقىي (ئوبيېكتىپ) بىلىش ئېڭى (كۆڭۈل) بىلەن قوشۇلۇپ ئىدراك ھاسىل قىلۇر) دېيىلگەن. «ئۇيغۇرچە بوددا تېكىستلىرى»دە: «تېگىنمەك ئۈچۈن ئامراق تۇغار» (سېزگۈدىن خاھىش تۇغۇلۇر) دېيىلگەن.

ئەقلىي بىلىش («بىلگە بىلىگ») ئاتالمىسى يەنە «بىلىملىك دانا» ، «مۇتەپەككۇر» مەنىسىدىمۇ كەلگەن. «قوچۇ ئۇيغۇرچە مانى تېكىستلىرى»دە: «يۇمشاق ساۋى سۆزى بىلگە بىلىگ ئادىرتلىغ ئوقماقى» (ئۇ — سۆزى يۇمشاق — سىلىق، مۇتەپەككۇر، ئەقىللىق ئىدى) دېيىلسە، «ئالتۇن يارۇغ»دا: «ئالتى تۈرلۈك بۈگۈلەنمەك ئۈدرەمگە تىندىغسىز ئېرىگلىگ بولتۇلار» (شاھىمىز ئالتى خىل بىلىم ئارقىلىق ھەر خىل پەنلەردە كامالەتكە ئىگە بولدى) دېيىلگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ سېزگۈ ۋە بىلىش مەسىلىلىرىنى دىنىي

255-بەت

ياكى ئەنئەنىۋى قاتلامدىن كلاسسىك ئېگىزلىككە كۆتۈردى. ئۇ ئۆز داستانىدا كۆز، قۇلاق قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى، ھېسسىي بىلىشتە ئېڭ (« كۆڭۈل ») نىڭ تۇتقان ئورنى، بىلىش شەكىللىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ داستاننىڭ 2467 - ، 1899 - بېيىتلىرىدا كۆزنىڭ بىلىش، ھەتتا ئېستېتىك بىلىشتىكى رولىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

ئەدى ئۆدگۈ نىڭ بۇ كىشى كۆركى يۈز بۇ يۈز كۆرگۈ سۇئۇ ئېچەر ئىككى كۆز [ كىشىچۈن نە ياخشى نەرسە - گۆزەل يۈز، ئىچەر سۇ بۇ يۈز كۆرۈكتىن ئىككى كۆز. ] سەۋۈگلەر يۈزىندە بولۇر بەلگۈ نىڭ كۆزىن كۆزكە تىكسە ئانى بەلگۈ تەڭ [ سۆيۈملۈك يۈزىدە بولۇر بىر نىشان، كۆزى كۆزگە چۈشسە بىلىنۇر شۇئان. ]

داستاننىڭ 1893 - ، 1898 - ، 1897 - ، 1991 - ، 2794 - ، 2795 - بېيىتلىرىدا كۆز بىلەن كۆڭۈلنىڭ، كۆز سەزگۈسى بىلەن تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈلگەن:

سەۋىتمىش يۈزىن كۆرسە كۆزكە تاتىغ كۆڭۈل ئارزۇسىن بولسا ئۆزكە تاتىغ [ كۆرۈش سۆيگىنىنى — بۇ كۆز زەۋقىدۇر، تېپىش دىل ئۈمىدىن — بۇ ئۆز زەۋقىدۇر. ] سەۋەر سەۋمەزىن ئۆز بىلەيىن تەسە كۆڭۈلگە باقا كۆرگۈ بەلگەي باسا [ بىلەي دېسە سۆيگەن ۋە سۆيمىگىنىن،

256-بەت

كۆڭۈلگە قاراسۇن، بىلۇر ئۇ كېيىن.] قامۇغ نەڭگە ئۆرتۈگ بولۇر باقسا كۆز كۆڭۈلكە يوق ئۆرتۈگ مۇنى بىلگۈ ئۆز [كۆزۈڭ نەگە باقسا بولۇر بىر توساق، بۇنى بىل، كۆڭۈلگە توساق يوق بىراق.] كۆڭۈل بولماسا ئەركۆزى ئاسغى يوق ئۆگى بولماسا ئەركۆڭۈل ئۆسغى يوق [ئېرۈر پايدىسىز كۆز، كۆڭۈل بولمىسا، كۆڭۈل پايدىسىزدۇر ئەقىل بولمىسا.] كۆزۈن كۆرسە ئۆترۈ كۆڭۈل ئارزۇلار كۆڭۈل ئارزۇ قىلسا ئانى كىم يىغار [كۆزۈڭ كۆرسە كۆڭلۈك ئونى ئارزۇلار، كۆڭۈل ئەتسە ئارزۇ ئۇنى كىم توسار؟] كۆڭۈل بەگ تۇرۇر يەتى ئەندام ئۆزە بەگى باشلاسا بودنى يۈگرۈر تۈزە [كۆڭۈل يەتتە ئەزا ئۆزە ھۆكۈمران، يۈگرەر ئەل چوقۇم، باشلاپ ماڭسا خان.]

داستاننىڭ 1015 - ، 1016 - بېيىتلىرىدا يېزىلىشچە، قۇلاقنىڭ بىلىشتىكى ئەھمىيىتى تاۋۇشلىق تىلدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان:

ئۇقۇش سۆزلەيۈ بىلگە بولماز كىشى ئۇقۇش ئەشتۈ بىلگە بولۇر تور باشى [تولا سۆز بىلەن بولماس ئالىم كىشى، كۆپ ئاڭلاپ بولۇر ئۇ ئالىم تۆر بېشى.] ئاغر بولسا يالگۈق بىلەر ھەم بىلىك تۈگۈ بولسا تەگمەز بىلىككە ئەلىگ [گاچا بولسا ئىنسان بىلەر ھەم بىلىم، پەقەت ساقرو كىشى تاپالماس ئىلىم.]

257-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سەزگۈنى بىلىش ئامىلى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشى ئۆتتۈرا ئەسر ئىلاھىيەتچىلىرىنىڭ «سەزگۈ - ئاداشماقنىڭ ئىشىكى»، «پىكىر - گۇماننىڭ بوسۇغىسى» دەيدىغان نادانلىق ئەقىدىلىرىگە زىت قويۇلغان. ئۇنىڭ «بىلىم ۋە ئەقىل ھەققىدىكى ماتېرىيالىستىك قارىشى يەنىلا شۇ نەرسىدە روشەن ئەكس ئېتىدۇكى، ئۇ سەزگۈ بىلىم ۋە ئەقىل ئارا يەتكەن، تەپەككۇر شەكىللەنگەن كىشىنىڭ باش مېڭە پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى ئالاهىدە تەكىتلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق بىلىم ۋە ئەقىل ساھەسىدىكى دىنىي - خۇراپىي تەلەيماتقا قارشى زەربە بېرىدۇ، بۇ قاراشنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى دەلمۇ دەل پاش قىلىدۇ» ① . ئۇ، داستاننىڭ 1836 - بېيىتىدا مۇنداق جاكارلايدۇ:

ئوقۇش ئورنى ئۈستۈن مەڭدە تۇرۇر ئاغىر نىڭ ئۈچۈن ئورنى باشتا ئەرۇر [ئەقىل ئورنى ئۈستۈن مېڭىدە تۇرۇر، قىممەتلىكىدىن ئورنى باشتا بولۇر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بېيىتلىرىدىن باشقا يەنە 3478 - ، 3479 - ، 3480 - ، 3481 - بېيىتلىرىدا كۆڭۈل (ئۆك) ھەققىدە توختالغان.

5. «قۇتادغۇبىلىك»تە تىل ۋە تەپەككۇر مەسىلىلىرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بىر ئالاهىدە پەلسەپىۋى قىممىتى شۇكى، ئۇ تەپەككۇر بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان، تىلنى قەلبنىڭ،

① قەييۇم كەرىموف: «ئۆلمەس بەدئىي داستان»، 99 - بەت.

258-بەت

ئەقىل - پاراسەتنىڭ ئىپادىسى، شاھىتى ۋە تەرجىمانى سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئۇنىڭ تىل توغرىسىدىكى بايانلىرى پەلسەپىلىك، ئېستېتىكىلىق، لوگىكىلىق ۋە ئېستېلىستىكىلىق قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ تىل ۋە تەپەككۇر، شۇنىڭدەك بىلىم، تىل ۋە گۈزەل پەزىلەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە كەڭ توختالغان. بۇ يەردە پەقەت تىلنىڭ ئىنسان مەنىۋى دۇنياسىنى، پىكىر - ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى رولى ئۈستىدىلا توختىلىمىز. داستاننىڭ 162 -، 214 -، 312 -، 1023 - بېيىتلىرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئۇقۇشقا بىلىككە بۇ تىلماچى تىل يارۇتتاچى ئەرنى يورۇق تىلنى بىل [ئەقىل ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل، روشەن تىل كىشىنى يورۇتقۇچى، بىل!] بىلىكلىگ چىقارماسا بىلىكىن تىلىن يارۇتماز ئانىڭ بىلىكى ياتسا يىلىن [گەر ئالىم ئىلىمنى چىقارمىسا تىل، يورۇتماس ئۇنىڭ ئىلىمى ياتسىمۇ يىل.] يىپار كىزلەسە سەن يىدى بەلگۈرەر بىلىك كىزلەسە سەن تىلىڭ ئۆلگۈرەر [ئىپارنى يوشۇرساڭ بۆيى بىلدۈرەر، بىلىمنى يوشۇرساڭ، تىلىڭ كۆرسىتەر.] ئەت ئۆزلۈگ كىشىكە كېرەكى بۇ ئول بىرىسى تىلىن سۆز بىرىسى كۆڭۈل [تېنى بار كىشىگە كېرەكلىكى شول: بىرى تىل ۋە سۆزدۇر، بىرىدۇر كۆڭۈل.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقلىي ئىقتىدار تۇغما ھاسىل نەرسە دەپ كۆرسەتكەندەك، تىل ئىقتىدارىنىمۇ تۇغما ھاسىل نەرسە دەپ

259-بەت

كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، پەقەت ئەقىلدە نېمىنى تەپەككۇر قىلىش، ئەقىل سارايىغا قانداق «كېمىيالىق نەرسىلەر»نى قاچىلاش تۇغما بولماستىن بۇ ئېرىشىلگەن بىلىم بولغانغا ئوخشاش، تىلدا نېمىنى ئىپادىلەش، نېمىنى يەتكۈزۈشمۇ ئېرىشىلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ۋە خۇنۈك، ياخشى ۋە يامان سۆز ھەققىدىكى بايانلىرىدا نەزەردە تۇتقىنى تۇغما ئىقتىدار بولغان تىل ئىقتىدارى بولماستىن، بەلكى شۇ ئىقتىدارنى نېمىگە، قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى ۋە ئەدەبلىك، بىلىملىك سۆزلەش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىل ئىقتىدارىنىڭ ئەقىل ئىقتىدارىدەك تۇغما خاسىيىتىنى پانتېئىزمچە تەرىزدە بەزىدە تەبىئىي ھاسىل، بەزىدە تەڭرى بەخىش ئەتكەن دېگەن تەگداش ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇ داستاننىڭ 210 - بېيىتىدا:

ياشىل كۆكتىن ئىندى ياغىز يەرگە سۆز سۆزى بىرلە يالغۇق ئاغىر قىلدى ئۆز [يېشىل كۆكتىن ئىندى ① قوڭۇر يەرگە سۆز، كىشى تاپتى قىممەت سۆزى بىرلە ئۆز.]

دېسە، 1024 -، 1025 -، 176 - بېيىتلىرىدا تەپەككۇر ۋە تىلنىڭ توغرا بولۇشىنى، ھەقىقىي ئەكس ئېتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

كۆڭۈل تىل تۆرۈتتى كۆنى سۆز ئۈچۈن سۆزى ئەگرى بولسا كۆيەر ئول كۈچۈن [كۆڭۈل، تىل يارالدى دۇرۇس سۆز ئۈچۈن،

① ئىندى — چۈشتى. «قۇتادغۇبىلىك» [55] ئىزاھات.

260-بەت

سۆزى ئەگرى بولسا كۆيەر ئۇ كۈچۈن.] كۆنى سۆزلىسە سۆز كۆر ئاسغى ئۈكۈش قالى سۆزلىسە ئەگرى بارچا سۆكۈش [دۇرۇس سۆزلىنىسە سۆز كۆپتۇر پايدىسى، سۆكۈلەر ھەمىشە سۆزنىڭ ئەگرىسى.] تىلىڭ كىم كۆدەزگىل كۆدەزىلدى باش سۆزۈڭنى قىسۇرغىل ئۇزاتىلدى ياش [تىلىڭنى كۆزەت بەك، كۆزىتىلەر باش، سۆزۈڭنى قىسقا قىل، ئوزۇن بولار ياش.]

6. «قۇتادغۇبىلىك»تە ھەقىقەت ۋە خاتالىق ھەققىدە

ھەقىقەت ۋە ساختىلىق — بىلىش نەزەرىيىسى كاتېگورىيىلىرى بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل بىلىش پەلسەپىسىدىكى تۈپلۈك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ كەلگەن.

ھەممە مىللەت خەلقلىرىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان قەدىمكى خەلقلەر رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە بىلىش تارىخى جەريانىدا «چىنلىق» ۋە «ساختىلىق» توغرىسىدا ئىپتىدائىي پەرقلىنىشلەرگە ئىگە بولغانىدى. «ياخشىلىق» ( «ئىزگۈ» ) ، «يامانلىق» ( «ئەسزىمەك» ، «ئاڭىغ» ) ، «گۈزەللىك» ( «كۆركۈلۈك» ) ، «خۇنۈكلۈك» ( «كۆرۈكسۈزلۈك» ) ئىبارىلىرى بىلەن بىللە يىراق ئۆتمۈشتىلا «چىنلىق» ( «كېرتۈ» ، «كۆنى» ) ، «ساختىلىق» ( «يالغان» ) ئىبارىلىرى شەكىللەنگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە ئائىت تېكىستلاردىكى «ئىككىرچىكۇ كۆڭۈللۈك يالغۇقلار» (دىلىغۇلدا كۆڭۈللۈك كىشىلەر) ، «كۆنى بىلگە كۆنى بىلىك» (ھەقىقىي دانا، ھەقىقىي ئالىم) ۋە

261-بەت

«ئىسپات» («تانائۇلۇق») دېگەن ئىبارىلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدىلا «گۇمان» ۋە «ھەقىقەت» نى ئىسپات ئارقىلىق ھەل قىلىش قوللىنىلغان.

ئۇيغۇر - قارلۇق مۇتەپەككۇرى فارابى ئەنئەنىۋى مەنتىقىي قاراشلار ئاساسىدا ئارستوتېل «ئورگانۇن» سىستېمىسىدىكى «كاتېگورىيە»، «ئالدىنقى ئانالىتىكا»، «كېيىنكى ئانالىتىكا»، «رېتورىكا»، «تەپسىرنامە»، «ئىسپاتنامە»، «سوفىستىكا»، «پوئېتىكا» قاتارلىق سەككىز ئەسەرگە ئىزاھات بېرىش بىلەن، لوگىكا ئىلمىنى «ھەقىقەت» بىلەن «ساختىلىق» نى پەرقلىندۇرىدىغان ئىسپات ئىلمى سۈپىتىدە ئارستوتېل «مېتافىزىكا» سىستېمىسىدىن ئايرىم مۇستەقىل ئىلىم قىلىپ قايتا قۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقەت نۇرى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان كىتابى «قۇتادغۇبىلىك» تە، ھەقىقەت، ساختىلىق، خاتالىشىش، سىناپ كۆرۈش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە مەنتىقىي خۇلاسە چىقىرىش توغرىسىدا قىممەتلىك مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارغان. ئۇ داستاننىڭ 2687 -، 2688 -، 972 - بېيىتلىرىدا:

كۆيەر ئوت تەگ ئول بۇ كېرەكسىز سۆزۈڭ ئاغىزدىن چىقارماغۇ كۆيگەي ئۆزۈڭ [كۆيەر ئوتقا ئوخشاش كېرەكسىز سۆزۈڭ، ئېغىزدىن چىقارما، كۆيەرسەن ئۆزۈڭ.] ئاقار سۇؤ تەگ ئول بۇ تىلسىن ئەدگۈ سۆز قايۇقا بۇ ئاقسا چېچەك ئۈندى تۈز [ئاقار سۇدەك ئېررۇر چىقسا ياخشى سۆز، ئۇ ئاقسا قايانغا چېچەك ئۈنەر يۈز.] بىلىكلىگ سۆزى يەركە سۇؤ تەگ تۈرۈر

262-بەت

ئاقىتسا سوغۇغ يەردە نېمەت ئۈنۈر [ بىلىملىك سۆزى يەرگە سۇدەك بولۇر، ئېقىتسا سۇنى يەردە نېمەت ئۈنۈر. ]

دېسە، 1002 -، 1003 - بېيىتلىرىدا سۆزنىڭ ھەقىقەتلىكى ياكى ساختىلىقى مەملىكەتنىڭ ئاۋات ياكى خارابلىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:

سۆز ئاسغى بىلە كۆر ياغىز يەردەكى ياشىل كۆككە يوقلار بولۇر تۆردەكى [ بۇ سۆز نەپى بىلە قوغۇر يەردىكى - يېشىل كۆككە ئۆرلەپ، بولۇر تۆردىكى. ] قالى سۆزلەيۈ بىلمەسە تىل سۆزۈگ ياشىل كۆكتە ئەرسە كۆر ئىندۈرۈر ئۆزۈگ [ نىچۈك سۆز قىلىشنى گەر تىل بىلمىسە، ئۆزىنى پەسلىتەر، ئاسماندا ئىسە. ]

داستاننىڭ 991 - بېيىتىدا يۇقىرىقى پىكىرنى كۆچەيتىپ ئادەم بەدىنىنىڭ ماددىي ھاياتلىق تەقدىرى ئېغىز (گال) ئارقىلىق، يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق ھەل بولسا، ئادەم ھاياتىنىڭ مەنىۋى - ئىجتىمائىي تەقدىرى سۆزلەش ياكى سۆز ئاڭلاش ئارقىلىق ھەل بولىدىغانلىقى مۇنداق ئىخچاملانغان:

ئەت ئۆز ئۆلگى بارچا بوغۇزدىن كىرۈر بۇ جان ئۆلگى چىن سۆز قۇلاقتىن كىرۈر [ بەدەننىڭ ئۈلۈشى ئېغىزدىن كىرۈر، بۇ جان ئۈلۈشى چىن سۆز، قۇلاقتىن كىرۈر. ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاساسسىز، ساختا ۋە قۇرۇق

263-بەت

سۆزلەشنى قاتتىق سۆككەن، مۇنداق سۆزنى قاباھەت قاتارىغا قويۇپ، كىشىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى تۆككۈچى، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزغۇچى، ئاخىرىدا ئۆزىنى ھالاك قىلغۇچى، ھەتتا ئالەمنى مالىمان قىلغۇچى ئېغىر ئاپەت سۈپىتىدە ئوبرازلىق ۋە سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەر بىلەن سۈرەتلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تولا سۆزلەشنى تېتىقسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ، دەپ چەكلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ قالماستىن، مۇھىمى خاتالىق ۋە ساختىلىققا ئېلىپ بارىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭچە، سۆز ھەقىقەت ۋە پىكىرنى روشەنلەشتۈرۈش، ياخشىلىق ۋە ئەخلاقىي گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە قارىتىلىشى لازىم. بۇ ھەقتە داستاندا ناھايىتى نۇرغۇن تەنبىھلىك بېيىتلار بار. بىز بۇ يەردە بۇنىڭغا پەقەت 848 -، 2037 -، 2039 -، 5074 -، 5878 - بېيىتلارنى مىسال كەلتۈرىمىز:

تۈزۈم تاپلاماز نەڭ بىرى يالغان ئول مۇڭدا باساسى بۇ كۈچ قىلغان ئول [تۈزۈم خالىماستىن بىرى يالغان ئول، شۇنىڭدىن كېيىنكى زۇلۇم قىلغان ئول.]

قامۇغدا ياراشسىز ئەي ئەلىگ قۇتى بۇ بەگلەر ئۆزە قوپسى يالغان ئاتى [ياماندىن ياماندۇر ئەي ساھىبقىران، ئەگەر ئاتىنىپ قالسا يالغانچى خان.]

بۇ يالغان كىشىلەر ۋاپاسىز بولۇر ۋاپاسىز كىشى خەلققا تەڭسىز قىلۇر [يالغانچى كىشىلەر ۋاپاسىز بولۇر، ۋاپاسىزلار خەلققە ئوساللىق قىلۇر.]

ئازۇنقا ئەلىگ بولماسۇن ئول كىشى تىلى يالغان ئەرسە قىلىنچى پۈشى [جاھانغا ئېلىگ بولمىسۇن ئول كىشى،

264-بەت

سۆزى بولسا يالغان، غەمزەپلىك ئىشى.] بۇ يالغان كىشى بىرلە ئارتار ئازۇن كۈنى چىن كىشى تۈت ئاي ئەرلگى ئۇزۇن [بۇ يالغانچى بىرلە بۇزۇلۇر ئاجۇن، راستچىل، چىن كىشى تۇت، ئې قولى ئۇزۇن.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىنىڭ بىلىش ۋە ئەمەلىي پائالىيىتىدە خاتالىشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ داستاننىڭ «كىتاب ئىگىسىنىڭ ئۆز ئۆزرىسىنى ئېيتقانلىقى بايانىدا» ناملىق بابىدا، قەدىمكى ئۇيغۇرچە «يالغۇق» (ئىنسان) دېگەن ئىبارە بىلەن «ياڭلۇق» (خاتالىق) ئىبارىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، سۆز ئويۇنى شەكىلدە بۇ مۇھىم مەسىلىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ ھەقتە «ئۇيغۇرچە بۇددا تېكىستلىرى» دە: «ياڭلۇق ساقىنچ» (خاتا ئىدىيە)، «ئېدىقۇتلۇق تىنلىغلارقا تېرس ياڭلۇق ساقىنچ ساقىنتىم» (ئەگەر مەن قۇتى زور جانلىقلارغا ئەكسىچە خاتا ئىدىيەدە مۇئامىلە قىلسام) دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

داستاننىڭ 197 -، 198 -، 205 - بېيىتلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

بۇ ياڭلۇق ئاتى بولدى يالۇغلۇق ئۈچۈن بۇ ياڭلۇق ئۆرۈلدى بۇ يالۇغ ئۈچۈن [كىشى ئاتى يالۇق، يېڭىلغاق ئۈچۈن، دېيىلدى ئو يالۇق، يېڭىلغان ئۈچۈن.] ياڭلىماز كىشى كىم ئايۇ بەر ماڭا ياڭلىمش تۈمەن مىڭ ئاياسىن ساڭا [يېڭىلمەس كىشى كىم، دېگىن سەن ماڭا، تۈمەنمىڭ يېڭىلغاننى دەيمەن ساڭا.] سۆزۈگ سۆزلەدەچى ئازار ھەم يازار

265-بەت

ئۇقۇشلۇق ئىشتىن ئۆگەرۈر تۈزەر [سۆزلىگەن كىشىلەر ئازار، ئالدىرار، ئەقىللىق ئىشتە، تۈزىتىپ بارار.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ خاتالىشىشنى ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قېلىشى شەكىلدە يېتەرلىك يۇقىرى پەھلىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنى يەنىلا ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىم بىلەن «داۋالاش» لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 1969 -، 1970 - بېيىتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

ياڭىلسا بەگلەر، ئاي ئەللىك قۇتى ئانىڭ بەگلىكى ئۆچەر ئوتى [گەر ئىشتا يېڭىلسا بەگلەر، ئەي خاقان، بۇ بەگلىك كېسەل دۇر، داۋالا شۇئان.] بۇ بەگلىك ئېگى ئوتى ئۆگ① بىلىك، ئۇقۇش بىرلە ئەمە ئاي قىلغى سىلىك [داۋاسى بۇ دەردنىڭ تەپەككۇر بىلىم، داۋالا ئەقىللە، خۇلقى مۇلايىم.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «مەغرۇرلۇق» (كۆڭۈزلۈك) ، «ئالدىراڭسانلىق» (ئېپەكلىك) ، «تەرسا - جاھىللىق» (تارقۇق) ، «ئاچكۆزلۈك» (كۆزى سوق) ، «دەرغەزەپلىك» (ئۆپكە) قاتارلىق پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇل ئىللەتلەرنىڭ خاتالىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا سىناپ - تەجرىبە قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ پىكىر قىلىش پىرىنسىپىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى، ياكى تەجرىبە

① ئۆگ — تەپەككۇر.

266-بەت

ئارقىلىق چۈشىنىپ بىلىشنى كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلغان. بۇ داستاننىڭ 1962-بېيىتتە ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىدا ياشىغان دەۋردىكى تەجرىبىلىك كىشىلەر سۆزلىرىدىن مىسال كەلتۈرسە، يەنە بىر بېيىتتە قاراخانىيلار دەۋردىكى ئەقلىي سۆزلەردىن مىسال كەلتۈرگەن:

ئەگۈ تەر ئەشتىگىل ئۆتۈكەن بېگى ساناپ سۆزلەمىش سۆزنى يەترۈپ ئۆگى [ئېشىتكىن، ئۆتۈكەن بېگى نېمە دەر، سۆزنى ساناپ ھەم ئويلاپ قىلغان ئەر.] ئەگۈ تەر ئەشتىگىل بۇ ئەل كەندبەگى ئوقۇشقا بىلىككە يەتۈرمىش ئۆگى [نېمە دەر ئەل كەننى بېگى ئېشىت كەل، ئوقۇلغا، بىلىككە تەپەككۇرى تەل.]

داستاننىڭ 4287-بېيىتتە كىشىنى ئۇنىڭ ئەدىبىي، سۆزى ۋە ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆزىتىش ھەققىدە مۇنداق مۇھىم پىكىر بايان قىلغان:

كىشى ئەسلى بىلىمەك تىلەسە ئاچۇق كۆڭۈل تىل قىلىنچى بۇ ئىشكە تانۇق [كىشى ئەسلى بىلىمەك تىلىسە ئوچۇق، بۇ ئىشقا گۇۋاھدۇر كۆڭۈل، تىل، قىلىق.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ راست — يالغاننى ئايرىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماي ھۆكۈم قىلماسلىق ۋە يالغان سۆزلەپ، تۆھمەت قىلغۇچىلارنى جازالاش مەسىلىسىنى بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئەمەلىي مېتودولوگىيىلىك پىرىنسىپىغا كۆتۈرۈپ، داستاننىڭ 5873-، 5877-، 5887-بېيىتلىرىدا مۇنداق يازغان:

267-بەت

سانا كىم يوقاسا ئەشتىگىل سۆزۈن چىننى يالغاننى كەد ئايىت تۈپ تۈزۈن [ساڭا كىمكى چاقسا ئىشتكىن سۆزۈن، سۈرۈشتۈر ئاساسىن، چىن ۋە يالغانىن.] ئەشتىگىل سۆزۈڭ ئەرتە يالغان چىننىغ چىننى ئۆزكە ئالغىل قىنا يالغاننىغ [ئىشت سۆزنى، تەكشۈر راستۇ - يالغانىن، يالغاننى جازالا، قوبۇل قىل چىننىن.] قالى ئارزۇ يەر ئول تۆرۈ بەگۈچى كۆنى يالغاننىغ ئادرا تۈتماز تۈچى [نىچۈك تاپقاي ئارزۇ، قانۇنچى ھاكىم، ئايرالماس بولسا راست - يالغاننى دائىم.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 267 -، 3218 - بېيىتلىرىدا جەزملەشتۈرۈش ياكى رەت قىلىش، ئۈچىنچى خىل مۇھاكىمىگە ئورۇن قويماسلىقتىن ئىبارەت مۇھىم لوگىكىلىق قانۇنىيەتنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ:

سەن ئەمەدى قايۇ سەن ماڭا ئاي ئاچا ئىككىدە بىرى بول ئۇچۇنچىتە قاچا [ئۆزۈڭ قايسىسى سەن ماڭا تىللىق ئاچ، ئىككىدىن بىرى بول، ئۈچىنچىدىن قاچ!] ئىككىدە نارۇ بارچا يىلقى سانى تىلەسە مۇنى تۇت تىلەسە ئانى [ئىككىدىن بۆلەكنى سەن يىلقى سانا، يا ئۇ بول، يا بۇ بول، تاللاپ ئال مانا.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىش ساھەسىدىكى ھەقىقەت ۋە

268-بەت

خاتالىق، راستچىللىق ۋە سەپسەتە ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە تارىخىنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى ۋە لوگىكا ئىلمى جەھەتتە كلاسسىك باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىدى.

7. «قۇتادغۇبىلىك»تە بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ، بىلىم بىلەن ئۇنىڭدىن خەلق ۋە جەمئىيەت مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى بىلىش نەزەرىيىسى يۈكسەكلىكىدە ئىزاھلىدى.

مەلۇمكى، ئەبۇ نەسىر فارابى: «مەقسىتى پەقەت گۈزەللىككە ئېرىشىشتىن ئىبارەت بولغان سەنئەت پەلسەپە دەپ ئاتىلىدۇ. گۈزەللىك ئىككى تۈرلۈك بولغانلىقتىن، يەنى ئۇ بىلىم بىلەن ھەرىكەتتىن ئىبارەت بولغانلىقتىن، پەلسەپە سەنئىتىمۇ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ» ① دېگەن ئىدى. فارابى بىرىنچىسىگە نەزەرىيىۋى پەلسەپىنى، فىزىكىنى ۋە ماتېماتىكىنى، ئىككىنچىسىگە ئەمەلىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي پەنلەرنى كىرگۈزگەن. فارابى بۇ يەردە بىلىم ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئۈستىدە توختالغان.

فارابى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيىلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى سۈپىتىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم ۋە ئۇنى خەلق مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت پارلاق ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ

① فارابى: «ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي رىسالىلەر»، رۇسچە نەشرى، 34 - بەت.

269-بەت

قورۇق سەپسەتە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىش خاھىشى بىلەن تولغان ئوتتۇرا ئەسىر روھانىيەتچىلىكى مۇھىتىدا غايەت زور جاسارەتلىك ۋە ئالاھىدە پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە بولغان ئىلغار تەشەببۇس ھېسابلاناتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بارلىق ھەقىقىي بىلىملەرنى ئۈچ ئاساسلىق ئامىلدىن تەشكىل تاپقان بىلىش سەمەرىلىرى دەپ چۈشەندۈرىدۇ: بىرىنچىسى، ئەقلىي جەھەتتىن بىلىمەك؛ ئىككىنچىسى، بۇ ئەقلىي بىلىمنى تىل بىلەن ئىپادىلىمەك؛ ئۈچىنچىسى، بىلگەن بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتە گەۋدىلەندۈرۈپ خەلققە ياخشىلىق قىلماقتىن ئىبارەت. بىلىمدىكى بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:

  1. «قۇتادغۇبىلىك»تە بىلىم ئىنساننىڭ قەدر - قىممىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى، تىرىك ئۆمۈرنىڭ كۆز نۇرى، جەمئىيەت پاراۋانلىقىنى بەرپا قىلىشنىڭ مەشئىلى، بارلىق ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانغان. داستاننىڭ 262 _، 263 _، 264 _، 4346 _، 4347 _، 208 _، 5253 _ بېيىتلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:

بىلىكسىزگە تۆردە ئورۇن بولسا كۆر بۇ تۆر ئەلكە ساندى ئەلىگ بولدى تۆر [بىلىمسىزگە تۆردە ئورۇن بولسا، كۆر، بۇ تۆر بولدى پەگا، پەگا بولدى تۆر.] قالى بىلگەكە تەگسە ئەلدە ئورۇن ئول ئەل بولدى تۆردە تاقى كەد بورۇن [بولۇپ قالسا پەگا ئالىمغا ئورۇن، بۇ پەگا بولۇر تۆر تېخى ئەڭ بورۇن.] بىلىككە تۆرۈر بۇ ئاغىرلىق قامۇغ ئازۇنقا كەرەك تۆر كەرەك ئەل قاپۇغ

270-بەت

[بۇ ھۆرمەت پۈتۈنلەي بىلىمگە ئېرۇر، ئۇ مەيلى ئېشىكتە يا تۆردە تۇرۇر.] يوق ئەرسە ئازۇندا بۇ ئالىم بۈگۈ تەگىپ ئۈنمەگەي ئېردى يەردە يېگۈ [يوق ئەرسە دۇنيادا ھېكىم، ئىلمىلىك، تېرىپ، ئۈنمەس ئېردى يەردە يېگۈلۈك.] ئۇلار ئىلمى بولدى بودۇنقا يۇلا، يارۇسا يۇلا تۈنلە ئازماز يولا [ئۇلار ئىلمى بولدى خەلققە مەشئەل، يول ئازماس كېچىدە يول يۈرگەندە ئەل.] قامۇغ ئەدگۈلۈكلەر بىلىك ئاسغى ئول بىلىك بىرلە بولدى مەسەل كۆككە يول [پۈتۈن ياخشىلىقلار ئىلىم نەپى ئول، بىلىم بىرلە تاپتى مىسال كۆككە يول.] بىلىك بىرلە ئىشلە قامۇغ تۈرلۈگ ئىش بىلىكدىن كەلەر ئول قامۇغ كۆركلۈگ ئىش [بىلىم بىرلە ئىشلە پۈتۈن تۈرلۈك ئىش، پۈتۈنلەي ئىلىمدىن كېلۇر كۆركۈلۈك ئىش.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىمنىڭ مەنىيىتىنى نۇقتىلىق ھالدا دۆلەت باشقۇرۇش خادىملىرىنى تاللاش، جاھالەتنى يېڭىش، خەلقنى پاراۋانلىققا ئىگە قىلىش جەھەتلىرىگە قاراتقان. داستاننىڭ 217 -، 219 -، 265 -، 268 - بېيىتلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:

ئازۇن تۇتغۇقا ئەر ئۇقۇشلۇغ كەرەك بودۇن باسغۇقا ئۆگ كەرەك ھەم يۈرەك [جاھان تۇتقىلى ئەر ئەقىللىق كېرەك، كېرەك يۇرت سوراشقا پىكىر ھەم يۈرەك.] ئازۇنقا ئاتا تىنمىشىندە بەرو

271-بەت

ئوقۇشلۇغ تۇرۇ كەلەدى ئەدەگۈ تۆرۈ [قاچانكىم جاھانغا چۈشۈپتۇ ئادەم، ئاقىللار تۈزەپ كەلەدى ياخشى نىزام.] ئىكى تۆرلىگ ئول كۆر بۇ ئەسلى كىشى بىرى بەگ بىرى بىلگە يالگۇق باشى [ئىككى خىل ئېرو، كۆر، بۇ ئېسىل كىشى، بىرى بەگ، بىرى ئالىم — ئىنساننىڭ بېشى.] قىلىچ ئالدى بىرى بودۇنۇغ تۈزەر قەلەم ئالدى بىرى يورىق يول سۆزەر [ئېلىپ قولغا قىلىچ، بىرى ئەل تۈزەر، قەلەم بىرلە بىرسى، ھەق يول كۆرسىتەر.]

  1. «قۇتادغۇبىلىك»تە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلگەن بىلىمنى تىل بىلەن ئىپادىلىمەك، سۆزنىڭ ئەقىلغا، گۈزەللىككە ۋە ئەدەپكە ئۇيغۇن بولۇشى توغرىسىدا كۆپ توختالغان. داستاننىڭ 214 -، 181 -، 164 -، 966 - بېيىتلىرىدا مۇنداق تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

بىلىكلىگ چىقارماسا بىلىكن تىلىن يارۇتماز ئانىڭ بىلىكى ياتسا يىلىن [گەر ئالىم ئىلىمنى چىقارمىسا تىل، يورۇتماس ئونىڭ ئىلمى ياتسىمۇ يىل.] ئىكى نەڭ بىلە ئەر قارىماز ئۆزى بىر ئەدەگۈ قىلىنچى بىر ئەدەگۈ سۆزى [ئەر ئىككى نېمىدىن قېرىماس ئۆزى، بىرى ياخشى ئىش، بىرى ياخشى سۆزى.] تىل ئارسلان تۇرۇر كۆر ئىشىكتە ياتۇر ئايا ئۆلۈگ ئەرساق باشڭنى يەيۇر [ئىشىكتە تۇرار ئارسلاندۇر بۇ تىل، ئەي مەككار ھەزەر قىل، بېشىڭ يەيدۇ، بىل.]

272-بەت

قارا باش ياغىسى قىزىل تىل تۇرۇر نەچە باش يەدى بۇ تاقى ما يەيۇر [قارا باش دۈشمىنى قىزىل تىل ئېرۇر، يەيدى قانچە باشنى، يەنە ھەم يەيىور.]

داستاندا سۆزلەنمىگەن سۆز — تەپەككۇردىكى سۆز ئالتۇنغا، سۆزلەنگەن سۆز — ئېغىزدىكى سۆز مىسقا ئوخشىتىلغان. مۇتەپەككۇر يەنە كېرەكلىك، مەنپەئەتلىك، گۈزەل سۆزنى سۆزلەش، سۆزلەنگەندىمۇ ئىخچام ۋە روشەن سۆزلەشنى تەلەپ قىلغان.

  1. «قۇتادغۇبىلىك»تە ھەقىقىي بىلىم پەقەت بىلىپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئەمەلىيەتكە مەشئەل قىلىپ جەمئىيەت ۋە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوللىنىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. بۇ بىلىش بىلەن قىلىش، بىلىم بىلەن ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بىر بىلىش نەزەرىيىسى پرىنسىپى مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا، رېئالىزملىق، ماتېرىيالىزملىق خاھىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىمنى چەكسىز چوڭ دېڭىز سۈپىتىدە تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا قانائەت قىلماي كەمتەرلىك بىلەن بېرىلىشنى (6608- ، 6609- بېيىتلاردا) ، شۇنىڭدەك بىلىم ھەقىقەتلىرىنى ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىق قىلىپ نەتىجە قازىنىشنى دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ 211- ، 212- ، 213- ، 2605- ، 3220- بېيىتلاردا مۇنداق تەۋسىيە قىلغان:

كىشى كۆڭلى تۈپسۈز تەڭىز تەگ تۇرۇر بىلىك يىنجۇ سانى تۈبىندە ياتۇر [كىشى كۆڭلى تۈپسۈز دېڭىزدەك ئېرۇر، بىلىم ئۈنچە ئوخشاش تۈبىدە ياتۇر.]

273-بەت

تەڭىزدىن چىقارماسا يىنچۇ كىشى كىرەك يىنچۇ بولسۇن كېرەك ساي تاشى [ دېڭىزدىن چىقارمىسا ئۈنچە كىشى، قالۇر قەدىرسىز بولۇپ ئۈنچە ساي تېشى.]

ياغىز يەر قاتىنداقى ئالتۇن تاش ئول قالى چىقسا بەگلەر بېشىندا تۈش ئول [ قوڭۇر يەر تېگىدە ئالتۇن ئىدى تاش، گەر چىقسا بەگلەرگە بولۇر باشقا تاج.]

قايۇ ئىشكە بىلگە يەتۈردى بىلەك ئانى يەتتى تۈتتى تەگۈردى ئەلەگ [ ئىشلىسە ھەر ئىشتا بىلىمنى ئالىم، ئېرىشكەي ئۇ ئىشقا ئۆتۈقلا دائىم.]

بىلىك بىلدىڭ ئەرسە تۈكەل ئۆگرەنىپ ئانى ئىشلەت ئەمدى كۆر ئەمگەك ئېدىپ [ بىلىم بىلگەن بولساڭ تولۇق ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىشلەت ئەمدى ئەمگەك سىڭدۈرۈپ.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپچە، پەقەت يۇقىرىدىكى ئۈچ ئامىلنى ئىزچىل بىرلەشتۈرگەندىلا ھەقىقىي بىلىم ھېسابلىناتتى. بۇ ئەينى زاماندىكى ھەر خىل ساختا ئىلىملەر ئۈچۈن قاتتىق زەربە ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم - پەنگە تەرغىباتچىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پىداكار ھامىيسى، ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر مەرىپەتچىسى سۈپىتىدە، ئىلىم - پەننىڭ بارچە ئۇتۇقلىرىنى خەلق مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنى جاھالەت ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى گىگانت مەشئەلچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. ئۇ ئىلىم - پەننى، بولۇپمۇ تەبىئەت پەنلىرى بىلەن ئەخلاق ئىلىمىنى دىنىي ئېتىقادتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، « بىلىمسىز ئىبادەت بىلەن ساۋاب كۈتمە » (3224 -

274-بەت

بېيىت) ، «بىلىملىكنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتىمۇ بىلىمسىزنىڭ ئىبادىتىدىن ئەۋزەل» (5225 - بېيىت) ، «زاهىت بولۇپ تائەتكە بېرىلىش بالاغا يولۇققانلىق» (3229 - بېيىت) ، «دوزاخ ئىشىكىنى پېچەتلەيدىغان نەرسە پەقەت بىلىم» (3223 - بېيىت) دېگەندەك ئۆتكۈر ۋە جەڭگىۋار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خەلق توغرىسىدا سۆزلىگەندە 4257 - بېيىتتا:

سۆيۈنچ بولسا كىمدە ئۆزۈڭ سۆيۈن بەر ساقىنچ قايغۇ تەگسە يەمە ساقنۇ بەر [كىشىلەر سۆيۈنسە، سۆيۈنگىن سەن ھەم، غەم - قايغۇ يەتسە گەر، يېگىل سەنەمۇ غەم.]

دەپ خىتاب قىلدى. ئۇ ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەممە كىشىنى مۇستەسناسىز ھالدا ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا چاقىردى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىمنىڭ ھەقىقەت ياكى ساختىلىقىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئىلغار قاراشتىنمۇ ھالقىغان ھالدا، بىلىمنى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىگە بېغىشلاش توغرىسىدىكى قارىشى ۋە تەشەببۇسىنىڭ پەلسەپە تارىخىدىكى قىممىتىنىڭ نەقەدەر ئۈستۈنلۈكىنى چۈشىنىش قىيىن بولمىسا كېرەك.

8. قىسقىچە يەكۈن

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويغان بىلىش نەزەرىيىسى مەسىلىلىرى ئۇيغۇر ۋە ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەر پەلسەپىۋى پىكىرلەر مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

275-بەت

ئۇنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۈر تەرەققىياتى تارىخىدىكى تەسىرى ۋە قىممىتى ئۆز دەۋرىدىكى شەرق ئىلغار مۆتەپەككۈرلىرىنىڭ تۆھپىسى بىلەن بىللە ئىنسانىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىلغار پىكىرلەر تارىخىدىن كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتتى .

«قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىنسان قەدىر - قىممىتىنىڭ ئەقىل - پاراسەت بىلەن بىلىم تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار، تەجرىبە، بايقاش، ھېس - تۇيغۇ ۋە بولۇپمۇ مېڭە، تىل ۋە تەپەككۈرنىڭ بىلىشتىكى رولى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار، چىنلىق بىلەن ساختىلىق ۋە خاتالىق ھەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ، بىلىم بىلەن بەخت - سائادەت ۋە ياخشىلىق قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەت مۇھىتىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان فېئوداللىق ۋە دىنىي ئىدېئالىستىك بىلىش كۆز قاراشلىرىغا كۆپ تەرەپلىمە قارىمۇ قارشى ھالدا غايەت زور مەرىپەتپەرۋەرلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى كۆز قاراشلىرى «دۇنيانى بىلىش مۇمكىن ئەمەس» ، «دانىشمەنلىك تۇغما بولىدۇ» ، بىلىش ئوبيېكتى پەقەت «مۇتلەق ئاللاھ» ۋە ئۇنىڭ «كارامەتلىرى» دىن ئىبارەت، «بىلىملىكلەر ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك، پەقەت تەركىدۇنيالىق بىلەن ئىستىقامەت قىلىشلا ياخشىلىق قىلىشتۇر» ، ئىلىم ئەھلى، بولۇپمۇ تەبىئەت ئىلمى ۋە سەنئەت ئىىلىملىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەڭرىنىڭ بىرلىكىگە شۈبھە قىلغۇچى ۋە خەلقنى ئازاشتۇرغۇچىلار، ئۇلار تەقىپ قىلىنىشى كېرەك دېيىشكەن كۆزقاراشلاردىن ئۆزىنىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك بىلىش نەزەرىيىسى ئامىللىرىنىڭ ئاساسىي

276-بەت

سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلى روشەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

ئوتتۇرا ئەسىر ناتۇرال پانتېئىزمىنىڭ ئاساسچىسى فارابى ئۆزىنىڭ «بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى يول» ناملىق رىسالىسىدە: «ياخشى ئەخلاق بىلەن ئەقلىي ئىقتىدار ھەر ئىككىسى بىرلىكتە شۇ مەنىدە ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى ھېسابلىنىدۇكى، ھەربىر نەرسىنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئۆزۈدىكى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇنىڭ كامالەتكە ئېرىشىشىدە، جۈملىدىن ئۇنىڭ پائالىيىتىدە گەۋدىلىنىدۇ»① دېگەن ئىدى. ئۇ ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى بىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە، ئەقىل ۋە پاراسەتتە دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئەمەلىيەت پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر كىشىلەر نەزەرىيىۋى بىلىملەر بىلەن چەكلىنىپ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان گۈزەللىك چۈشەنچىسىنى ئۆز پائالىيىتىگە تەتبىق قىلمىسا، ئۇنىڭ ئۇ ئادىتى ئۇنىڭ ئومۇم ئېتىراپ قىلغان گۈزەللىك چۈشەنچىسى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ»② دەپ كۆرسەتكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەل مانا مۇشۇ ئىنسانغا خاس بولغان بىلىش ۋە ئەمەلىيەت نۇقتىسىنەزەرىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئۇنى ئەينى زامان سىياسىي - ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۆپ تەرەپلىمە تەتبىق قىلدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، «قۇتادغۇبىلىك»تە مۇھاكىمە قىلىنغان بىلىش نەزەرىيىسى كۆزقاراشلىرىدا راتسىئونالىزم بىلەن روھانىيەتچىلىك مۇرەسسەلىشتۈرۈلگەن، پىكىر زىددىيەتلىرى ۋە ئىزچىلسىزلىقلار، ھەتتا ئىدېئالىستىك ئىللەتلەر ساقلانغان. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاپتورى ئەينى زامان

① فارابىي: «ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي رىسالىلەر»، رۇسچە نەشرى، 317 - بەت. ② فارابىي: «ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي رىسالىلەر»، رۇسچە نەشرى، 270 - بەت.

277-بەت

دېنى تەلەپپۇز ئادىتى بويىچە سۆزنى تولۇقلاش نىيىتىدە بولسىمۇ، «ياشىل كۆكتىن ئىندى ياغىز يەركە سۆز» (سۆز ئاسماندىن قارا يەرگە چۈشتى) دېگەندەك ئوبىيېكتىپ ئىدېئالىستىك ئىبارىلەرنى خېلى كۆپ ئىشلەتكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى بىلىش نەزەرىيىسى كۆز قاراشلىرى نوقۇل راتسىئونالىزم پىكىر ئېقىمى ئاساسىدا يېزىلغاچقا، تەپەككۇر ۋە ئەقلىي بىلىمنىڭ رولىغا نىسبەتەن ھېس - تۇيغۇ ۋە ھېسسىي بىلىشنىڭ رولى يېتەرلىك تەكىتلەنمىگەن. بۇ ھال ئەينى زامان ئىلغار پەلسەپەۋى ئىدىيىلەر نامايەندىلىرى، جۈملىدىن فارابى، ئىبىن سىنا قاتارلىقلاردىمۇ سادىر بولغان ئومۇمىي يېتەرسىزلىك ئىدى. ئۇ چاغدىكى ئىلغار تەبىئەت پەلسەپىسى نامايەندىلىرى پەقەت ئىنساننىڭ، پەقەت ئەقىل - پاراسىتنىڭ، پەقەت مەنتىقلىق مۇھاكىمىنىڭ ھەقىقەتنى كەشىپ قىلىش ۋە ئىسپاتلاش ئەھمىيىتىنى كۈچەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، ھېس - تۇيغۇنىڭ بىلىش جەريانىدىكى رولىغا سەل قارىغاندى.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا گەرچە تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەت پرىنسىپى بەلگىلىك نۇپۇزلۇق ئامىل سۈپىتىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا شەخسىنىڭ ئىش - ھەرىكىتى دائىرىسىدە چەكلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تارىخىي چەكلمە تۈپەيلى، تېخى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ بىلىمنىڭ ئاساسى، ھەقىقەتنىڭ بىردىنبىر ۋە ھەل قىلغۇچ ئۆلچىمى، بىلىشنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ XI ئەسىردىلا «بىلىم — ئىنسان قەدرى ۋە زىينىتىنىڭ ئالتۇن شوتىسى» دېگەن نۇرانە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى

278-بەت

ساھەسىدىكى يېتەرسىزلىكلىرى ئەينى زامان تارىخىنىڭ ئومۇمىي چېكىلىمىسى ئاستىدا يۈز بەرگەن ئىدى .

بارلىق ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت شەرقىدە ئەبۇ نەسىر فارابىدىن باشلانغان ۋە كېيىنچە غەربىي ياۋروپا مەرىپەتچىلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن «راتسىئونالىزملىق بىلىش نەزەرىيىسى تارىخىدا «قۇتادغۇبىلىك»تە بايان قىلىنغان كلاسسىك تەپسىلاتنىڭ سالماقلىق ئورۇن تۇتىدىغانلىقى شۈبھىسىز .

ئىزاھلار :

[1] «شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى» ياكى «شەرق رېنېسسانسى» : غەربىي ياۋروپادا، دەسلەپ ئىتالىيىدە باشلانغان مەدەنىيەت گۈللىنىشىنى قەدىمكى گرېك — رىم مەدەنىيىتى گۈللىنىشىگە نىسبەتەن «قايتا گۈللىنىش» ، «قايتا ئويغىنىش» دەپ ئاتالغانلىقى ھەممىگە مەلۇم . روس ئاكادېمىكى ن . پ . كونراد 1966 — يىلى بېسىلغان «غەرب ۋە شەرق» ناملىق كىتابىدا ، رېنېسسانس ھادىسىسى ئىلگىرى پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ كېيىن خارابلىشىش ئىچىدىن قايتا گۈللىنىشكە قەدەم قويغان شىمالىي ئافرىقا ۋە ئاسىيا قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىغىمۇ مۇناسىپ دۇنيادىكى مەدەنىيەت ھادىسىسى دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى . گەرچە ئەرەب مىللىتى ئەرەب خەلىپىلىكى دەۋرىدە ، بولۇپمۇ خەلىپە مەئمۇندىن كېيىنكى دەۋردە تۇنجى مەدەنىيەت گۈللىنىشكە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ ، مىسىر ، سۈرىيە ، ئىران ، مەركىزىي ئاسىيادا قايتا ئويغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئىدى . ئاكادېمىك مۇھەممەدنوۋ «ئويغىنىش دەۋرى ۋە شەرق مۇتەپەككۇرى» ناملىق كىتابىدا ، جۈملىدىن تاجىكىستان ، ئەزەربەيجان ئالىملىرى ئۆز ئىبارىلىرىدە «شەرق

279-بەت

مەدەنىيەت ئويغىنىشى» ئىبارىسىنى قوللاندى. ئۇلار IX — XII ئەسىرلەردىكى تۈركىي - ئىسلام مەدەنىيىتىنى، سۈي - تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى شۇ ئىبارە بىلەن ئىپادە قىلدى. مەن «شەرق» سۆزىنىڭ بەكمۇ چەكسىزلىكى، ئۇ ھەتتا قولدارلىق دەۋرىدىكى دەسلەپكى مەدەنىيەت تۈركۈشى بولمىغان رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، شەرتلىك يوسۇندا بۇ ئىبارىنى قوللاندىم ۋە مۇھىمى ئۇنى قەدىمكى كۇشان - كۈسەن مەدەنىيىتى رايونى بولغان شەرقىي ئىران، شىمالىي ھىندىستان، ماۋەرائۇننەھر ۋە تارىم ۋادىلىرىغا قارىتىپ ئىشلەتتىم. مەن پەقەت ئۇنى مۇشۇ دائىرىدە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش پىكرىنى ئۆز قاراشلىرىم شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ ھەقتە بۇ كىتابنىڭ IX باب 1 - ماۋزۇسىغا قاراشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

[2] «چارۋاقا» مىلادىدىن ئىلگىرىكى IV — III ئەسىرلەردە ھىندىستاندا شەكىللەنگەن ساددا ماتېرىيالىستىك تەلىمات. چارۋاقا تەلىماتىدا ئالەم ئوت، شامال، سۇ، توپىدىن تەشكىل تاپقان دەپ قارىلىدۇ. «چارۋاقا» — «تۆت ئىبارە» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. ئەمما ئۇنىڭدا شامال ئەڭ ئاخىرقى مەنبە ھېسابلىنىپ، باشقا ئېلېمېنتلار شامالغا ئايلىنىدۇ.

[3] ئىمپىدوكۇل قەدىمكى گىرىك ماتېرىيالىستى ۋە دوختۇرى. ئۇنىڭچە ئالەم ئوت، ھاۋا، سۇ، توپراقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ «مۇھەببەت»، «نەپرەت»تىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىدۇ.

[4] ھېراكلىت (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 540 — 480) قەدىمكى گىرىك ماتېرىيالىستى. ئۇ دۇنيانى قانۇنىيەت بىلەن يېنىپ - ئۆچىدىغان تىرىك ۋە مەڭگۈ ئوتتىن ئىبارەت، دەپ

280-بەت

ئىزاھلىغان.

[5] تېلېس (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 624 — 547) قەدىمكى گرېك ماتېرىيالىستى. ئۇ بارلىق شەيئىلەر سۇدىن پەيدا بولغان ۋە سۇغا ئايلىنىدۇ، دەپ ئىزاھلىغان.

[6] ئاناكسىمېن (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 585 — 525) قەدىمكى گرېك مۇتەپەككۇرى، ئۇ ھەممە نەرسە ھاۋادىن پەيدا بولغان ۋە ھاۋاغا ئايلىنىدۇ، دەپ قارىغان.

[7] پىفاگور (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 580 — 500) قەدىمكى گرېك مۇتەپەككۇرى، ئۇ مىقدارنى ئالەمنىڭ ئاساسى، دەپ ئىزاھلىغان.

[8] دېموكرىت (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 460 — 370) قەدىمكى دەۋردىكى ئەڭ زور گرېك ماتېرىيالىستى، ئۇ ئالەم ئوخشاش، پارچىلانماس «ئاتوم» زەررىچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان، دەپ قارىغان.

[9] ئەسلىدە ئاتەشپەرەسلىك دىنىدا، كېيىنچە مانى دىنىدا ئالەم يورۇقلۇق تەڭرىسى ئاخۇرا مازدا بىلەن قاراڭغۇلۇق دىۋىسى ئەھرىمەننىڭ زىددىيەت ۋە كۈرىشىدىن تەشكىل تاپقان. بۇ كۈرەش جەريانىدا يورۇقلۇق تەڭرىسى قاراڭغۇلۇق دىۋىسىدىن ھامان غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارالغان.

[10] ئانتروپومورفىزىم — دىنىي ئەقىدىلەردە ئىلاھىيەت ئوبرازىنى ئادەم قىياپىتىدە تەسۋىرلەيدىغان كۆز قاراش.

[11] مەقسەتدارلىق نەزەرىيىسى (تېلېئولوگىيە) — ئەسلىدە تەڭرى ئالەمنى ئىنساننى يارىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت شەكىلدە ئىجاد قىلغان، ھەممە يارالمىشلار بىرى بىرى ئۈچۈن قۇربان بولىدۇ ۋە شۆھرەت ھازىرلايدىغان مەقسەت سۈپىتىلىكنىڭ زەنجىر ھالقىلىرىدىن ئىبارەت، دېگەن ئىدېئالىزملىق گۇمانىزملىق قاراش. ئەگەر بۇ قاراش ئىدېئالىزملىق شاكالدىن ئېرىتىلىدىكەن، ئۇ ماتېرىيالىزملىق گۇمانىزمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

281-بەت

[12] ئوتتۇرا ھالەت نەزەرىيىسى ئارستوتېل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ھەر ئىشتا بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كەتمەسلىكنى، كىشىلىكلەر ئۆزئارا مۇناسىۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇ خىل كۆز قاراش جۇڭگونىڭ رايىشچىلىق (كۇڭزىچىلىق) تەشەببۇسلىرىدىمۇ كۆرۈنگەن.

[13] مەنسۇر ھەللاجى خەلىپە مۇقتەدى (908 — 932) ۋاقتىدا، 922 — يىلى باغدادنىڭ مەركىزى مەيدانىدا دارغا ئېسىلغان تەرەققىيپەرۋەر مۇتەپەككۇر، ئۇ «ئاللامۇ ھەقىقەت، ئىنسانمۇ ھەقىقەت»، «مېنىڭ جۇسامنىڭ ئىچىدىمۇ بىر ئاللا بار» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

[14] مۇتەنەببى (915 — 965) سۈرىيىدىكى ھەمەدانى خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇل دەۋلە (915 — 967) سارىيىدىكى ئەڭ ئىستېداتلىق شائىر، فارابىنىڭ دوستى ئىدى. ئەركىن پىكىرلىك شائىر مۇتەنەببى دىنىي جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن يوشۇرۇن قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

[15] سۇنياتا — بۇددىزم ماھايانا مەزھىپىدىكى ئالەم ماھىيەتتە تۈرلۈك كۆرۈنىدىغان «تۈس» شەكىلگە كىرگەن يوقلۇق، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت، دەيدىغان بىر خىل مەزھەپ. بەزى مۇئەللىپلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئۆدگۈرمىشنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى بۇددىزمچىلىق قاراشلارنىڭ بىر نامايەندىسى دەپ مۇھاكىمە قىلىشتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەمەس، بەلكى ئۆدگۈرمىش قاتارلىق تەسەۋۋۇپ ۋەكىللىرىدە بۇددىزم ۋە ئىسلام تەرەكسىدۇنيالىق قاراشلىرىنىڭ بولغانلىقى شۈبھىسىز.

[16] ئاۋگۇستىن (354 — 430) قەدىمكى زامان خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ زور ئىلاھىيەتشۇناسى،

282-بەت

ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەقىلچىلىككە قارشى شەخس، خرىستىئان ئاق تېرورلۇقنىڭ مەنىۋى پېشۋاسى، ھوقۇقنى چېركاۋغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغۇچى.

283-بەت

V باب «قۇتادغۇبىلىك»تە دۆلەت ۋە جەمئىيەت غايىلىرى

«مەملىكەت تۈزسەڭ ئادىل يولنى تۇت، بولمىسا سەن ئۇنداق ھەۋەسنى ئۇنۇت.» — ئابدۇراخمان جامى

1. «قۇتادغۇبىلىك»تە دۆلەت ۋە جەمئىيەت غايىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى بىلەن بىلىش نەزەرىيىسى قاراشلىرى يولىدا ئۆز داستانىنىڭ ئاساسلىق قاراتمىلىق تېماتىكىسىغا كۆپ سەھىپىلەر ئاجراتتى. داستاننىڭ 12 -، 38 -، 47 -، 66 -، 71 -، 72 -، 75 - بابلىرىدىن ئىبارەت 48 بابلىق سەھىپىسى مۇتەپەككۇرنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان «شەرق ئىدېئال جەمئىيىتى» تەلىماتلىرىنى ئوبرازلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىزھار قىلىشقا قارىتىلغان.

«قۇتادغۇبىلىك» يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ غايىۋى دۆلەت كۆز قاراشلىرىنى ۋە مۇشۇ كۆز قاراش ئاساسىدا ئەينى زامان

284-بەت

فېئودال خانلىق دۆلەت ماشىنىسىنى تەنقىدىي ئىسلاھ قىلىش سىياسىي پروگراممىسىنى گەۋدىلەندۈردى. مۇتەپەككۇر ئۆز داستانىنىڭ كۆپلىگەن بېيىتلىرىدا بىر تەرەپتىن زاھىت ئۆتۈرمىش ۋە كىلىكىدىكى تەركىيدۇنياچىلىق - سوپىزم تەرەپدارلىرىنىڭ رېئال دۇنيادىن ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشتىن ۋاز كېچىش تەشەببۇسلىرىنى كېسكىن تەنقىدلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى زامان سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى چىرىكلىكنى، ئەمەلدارلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىكى ئەھمەل - مەنسەپ ھەۋەسچىلىكى، ئاچكۆزلۈك، پۇلنىڭ قۇلى، مەئىشەتنىڭ مەستانىسى، زۇلۇمنىڭ تەرغىباتچىسى بولۇشتەك چىرىك ھالەتلەرنى پاش قىلىپ، ئەدەپ - نومۇسنىڭ، مېھىر - شەپقەتنىڭ، دىيانەت - ئىشەنچنىڭ، دوستلۇق - خەيرىخاھلىقنىڭ كېمىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈندى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنى ئۇتوپىك مۇھاكىمىلەرگە بېغىشلىمىغان، بەلكى ئەينى زامان رېئاللىقىدىكى ئەنە شۇ خىل بوزۇلۇشقا قارشى ھالدا ئۆز دەۋرىنىڭ بىر قاتار ماھىيەتلىك ئۆتكۈر مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىش مەقسىتىدە يازغان. ئۇ ئۆز داستانىنىڭ 147 - بېيىتىدا ئەھمىدى گەپنى ئىنسانىيەت تۇرمۇش پەلسەپىسى مەسىلىلىرىگە يۆتكىمەكچى بولغانلىقىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

باسا ئايدىم ئەھمىدى مۇنۇ يالغۇغ ئاغىرلىقى بولدى بىلىك ئۆگ ئوغۇغ [بۇ ئىنسان بايانىن قىلاي ئەمدى مەن، قەدەر تاپتى ئەقلى، بىلىم - ئالپ بىلەن.]

ئۇ داستاننىڭ 192 -، 287 - بېيىتلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنداق قەيت قىلغان:

285-بەت

تۈلەكسىز سۆز ئەردى ئاي بىلگە بۆگۈ كەدىن كەلدەچىكە ئۆزۈم سۆزلەگۈ [تىلىكىم ئىدى، ئەي دانا، سۆزلىمەك، كېيىنكىلەرگە بىر يادىكار قالغۇدەك.] تۈلەكسىز سۆز ئەردى ئاي بىلگە بۆگۈ ئوقۇشۇغ بىلىنىك ئۆزۈم سۆزلەگۈ [تىلىكىم ئىدى سۆز ئەي ئالىم ھېكىم، ئەقىل ۋە بىلىمدىن سۆزلەش مەقسىتىم.]

ئۇ داستاننىڭ 6496- ، 6497- ، 6499 - بېيىتلىرىدا ئۆز ئەسىرىگە خاتىمە بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان:

تۈگۈم يەتمىشى سۆز بېيتىم تۆكەل توققىلى ئوقۇغلى ئۆزۈك ئۆلگە ئال [يېتىشچە ئەقلىم سۆزلەيدىم تۈكەل، ئوقۇغان، چۈشەنگەن ئۆزۈك ئۆلگە ئال.] قايۇ تۆرۈلۈگ ئېرسە يورۇقلىق يولۇق قايۇ بەردىم ئازراق بەكۆتگۈل ئۇلۇق [نېچۈك بولماق كېرەك ئىش – ھەرىكەت يولۇق، ئېيتىپ بەردىم ئازراق، چىقىتقىن ئۇلۇق.] قالى دۇنيا قولسا ئۆش ئونۇ ئاپاڭ ئوقبى قۇلسا ئۆش مۇنۇ [تىلىسەڭ بۇ دۇنيا، يولىدۇر مۇشۇ، دېسەڭ ئاخىرەتنى ھەم يولى مۇشۇ.]

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىدا گەرچە ئەينى زامان ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى تەسىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما مۇئەللىپ قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلەت سەلتەنىتى قاراشلىرى بىلەن مۇنتەزىم ھاكىمىيەت چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا،

286-بەت

جۈملىدىن فارابىچە غايىۋى جەمئىيەت قاراشلىرىنىڭ راتسىئونال ئىلھاملىرى تەركىبىدە ئۆز تەشەببۇسلىرىنىڭ مودېلىنى سىستېمىلاشتۇردى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە دەسلەپكى گەۋدىسىنى تۈزگەن سىياسىي سەلتەنەت دەرىجىلىرى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئولتۇراقلىشىش ۋە شەھەر مەدەنىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ئىدى.

«قۇتادغۇبىلىك» ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى قىممىتى جەھەتتىن بىر پارچە «ھوقۇق پەلسەپىسى» ① سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى. ئۇ نېمىس كلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ چوققىسى ھېسابلانغان گېگېلغا ئوخشاش ئادەم ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قەدىر - قىممىتىنى تەپەككۇرغا — ئەقىل - پاراسەت، پىكىر ۋە بىلىمگە باغلاپ ئىزاھلىدى؛ ئۇ ئادەمنىڭ ئىرادە ئىختىيارلىقىنى ۋە ئادەمنىڭ ئۆز بەخت - سائادىتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى؛ ئۇ مۇشۇ ئاساستا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە غايىۋى خاندانلىق بەرپا قىلىشنى ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ياخشىلىق دەپ جاكارلىدى. نەتىجىدە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ساماۋى خاندانلىق ئەپسانىلىرىگە زىت رېئال ئىجتىمائىي خاندانلىق غايىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ گېگېلدىن پەرقى، ھەتتا، مەلۇم مەنىدە ئۇنىڭدىن ئىلغارلىقى شۇ ئىدىكى، گېگېل فرانسۇز بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سىياسىي تارىخ سەھنىسىدە نېمىس ئاقسۆڭەك فېئودال جەمئىيىتىنى ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمى بىلەن يوپۇقداش ئارقىلىق ئۇنى بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ بورانلىرىدىن ساقلاپ قالماقچى بولغانىدى. ۋەھالەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەل كونىلىقنى ھىمايە قىلغۇچى گېگېلدىن پەرقىلىق ھالدا، ئوتتۇرا ئەسىر سىياسىي سەھنىسىدە فېئودال

① گېگېلنىڭ شۇ ناملىق مەشھۇر كىتابى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

287-بەت

ھاكېممۇتەلەق خانلىق تۈزۈمنى ئادالەتلىك قانۇن بىلەن تىزگىنلىمەكچى بولدى .

«قۇتادغۇبىلىك»تىن ئىبارەت ، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە قانۇنشۇناسلىق دەستۇرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۆلى خەلق ئاممىسى ، دۆلەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت . دېگەن تۈپ كۆز قاراشنى چىقىش نۇقتا قىلغانىدى . مۇشۇ ئاساستا ئۇ خۇددى فارابى ئوتتۇرىغا قويغاندەك دانىشمەن ھېكىم (پەيلاسوپ) پادىشاھنىڭ — كۆنتۇغدى ئېلىكنىڭ بولۇشىنى ، ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىكى خادىملار بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇپ ، بەخت - سائادەتنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى .

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى ، فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار» ، «دۆلەت سىياسىتى» ناملىق ئەسەرلىرىدە گەرچە پەزىلەتلىك دۆلەتنىڭ پەيلاسوپ باشلىقى ۋە ئۇنىڭ مەنىۋى پەزىلەتلىرى توغرىسىدىكى ئىنسانپەرۋەر ۋە ئىلغار ئىدىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما دۆلەتنى ئىنسانپەرۋەر ، ئادىل ۋە كېسكىن قانۇن ئاساسىدا باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ يېپيېڭى ئىلغار ئىدىيە پۈتۈنلەي يۈسۈپ خاس ھاجىپقا خاستۇر . «قۇتادغۇبىلىك» ئۆزىنىڭ ھوقۇق پەلسەپىسى جەھەتتىكى كلاسسىك قىممىتى بىلەن يالغۇز ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ نامايەندە بولۇپ قالماستىن ، پۈتكۈل سىياسىي تەلىماتلار تارىخىدىمۇ مۇنداق كۆز قاراشنىڭ ئۆز قەدىمكى دەستۇرى سۈپىتىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشى لازىم . روشەنكى ، ھەممە كىشىنىڭ ، خان ئەۋلادى ، ئەمەلدار ياكى قول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكى (818 - بېيىت) ، قانۇننىڭ ئادىل (819 - ، 821 - بېيىتلار) ،

288-بەت

دەرخەلسىز (833 - ، 834 - بېيىتلار) ، بىردەك (824 - ، 825 - بېيىتلار) ، نۇرانە (827 - بېيىت) ، ئىللىق (829 - بېيىت) ۋە كېسكىن (811 - ۋە باشقا بېيىتلار) بولۇشى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار غەربىي ياۋروپادا پەقەت بۇرژۇئا ئىنقىلابى ھارپىسىدا سىياسىي تەلىماتلار تارىخىغا كىرىپ كەلگەنىدى. مەلۇمكى، بۇرژۇئازىيە مەرىپەتچىلىرى، جۈملىدىن شارل لۇئى مونتېسكيۇ (1689 - 1755) [1] بىلەن ۋولتېر (1694 - 1778) [2] قاتارلىقلار تەبىئەت ئىلاھچىلىقى، ئەقىل ۋە نادانلىققا قارشى مەرىپەت نۇقتىئىنەزىرى ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق پەلسەپىسى تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت غايىلىرى چوڭ تېما. بىز بۇنى: دۆلەتنىڭ ئۆلى ۋە ئاساسىي ئۆزپىسنى توغرىسىدىكى بايانلار؛ دۆلەت باشلىقى ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدىكى بايانلار؛ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېسىپ توغرىسىدىكى بايانلار؛ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە ھەربىي ئىشلار توغرىسىدىكى بايانلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىمىز.

2. «قۇتادغۇبىلىك»تە دۆلەتنىڭ ئۆلى ۋە ئاساسىي خىزمىتى ھەققىدە

«قۇتادغۇبىلىك»تە دۆلەت جەمئىيەت ۋە خەلقنىڭ ھاكىمىيەت شەكىلى تەرىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بايان قىلىنغان.

مەلۇمكى، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەردە دۆلەت چۈشەنچىسى قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى، خەلقنى تەشكىللەپ، باشقۇرىدىغان ھەم كۆچمەن، ھەم ئولتۇراق ئاھالىنىڭ ھاكىمىيەت ئىگىلىكى مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنىدى. تومسېن ۋە ستېينلەر ئېلان قىلغان «ئورخۇن - يېنىسەي تېكىستلىرى»دىن

289-بەت

«كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» ، «تونىيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دە «دۆلەت» ئىبارىسى «ئىل» ، «ئىل تۆرۈ» دەپ ، «تۇرپان تېكىستلىرى» ۋە «ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر» دە «ئىل ئۇلۇس» ، «ئىل بودۇن» دەپ ئېلىنغان . «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دا: «ئېچىم قاغان ئېلىن تۆرۈسىن ئانچا قازغانتى» (ئۇ بۇۋام قاغان دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقارغان) ، «ئۆتۈكەن يىش ئۇلۇسار بېگۈ ئىل تۇتا ئولۇر تاچى سەنمەن» (ئەگەر ئۆتۈكەن دالاسىدا ماكانلاشساڭ، ئۇ يەردە مەڭگۈلۈك ھاكىمىيەت تۇتۇسەن) دېيىلگەن بولسا، «تۇرپان تېكىستلىرى» دا: «قامۇغ ئىل ئۇلۇسلار تاپىغى يۈگەرۈ كېلتى» (پۈتۈن ئەل ساڭا ئىلكەشكە يېپىلىپ كەلدى) دېيىلگەن.

بۇ خىل دۆلەت چۈشەنچىسى ئىزچىل تۈردە «خەلق» ، «ئائالە» نى تەشكىللەش، تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۇلارغا خوجىلىق قىلىش مەنىسىدە، باشقىچە ئېيتقاندا ئەڭ قەدىمكى ئۇرۇقداشلىق قەبىلە ئاقساقاللىرى ۋە قەبىلە قەھرىمانلىرى خىزمىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. يۇقىرىدا قىسمى ئاتالغان مەنبەلەردە «خەلق» ئىبارىسى «ئىل بودۇن» (پۇقرا) ، «ئىل ئۇلۇس» (قەبىلە خەلقى) ، «ئىل كۈن بودۇن» (ئاۋام خەلق) ، «بودۇن قارا» (خەلق ئاممىسى) قاتارلىق ۋارىيانتلاردا تەكرارلانغان. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دا: «توققۇز ئوغۇز بودۇنى كېنتۇ بودۇنۇم ئېردى» (توققۇز ئوغۇز خەلقى مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئىدى) دېيىلسە، «تۇرپان تېكىستلىرى» دە: «مېنىڭ بالىقىمدا بودۇنۇغ بوقۇنۇغ نېگۈلۈك ئولۇرۇرۇسىزلەر» (مېنىڭ شەھىرىمدىكى ئائالىنى نېمىشقا ئۆلتۈرۈسىزلەر» دېيىلگەن.

«ئورخۇن - يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دا «ئالتى باغ بودۇنغا بېگ ئېرتىم» (ئالتى قەبىلىدىن بىرلەشكەن خەلققە بەگ ئىدىم» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. مانا بولار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ياكى كۆكتۈرك خانلىقلىرىدىن ئىلگىرىكى مەلۇم ياكى نامەلۇم، چولق -

290-بەت

كېچىك قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن ھاكىمىيەت چۈشەنچىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئۆزۈنگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى تەتقىق قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت قاراشلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە گۈللەنگەن ئەبباسىيلار باغداد خەلىپىلىكىگە ئوخشاش تەھدىت شەكىللەندۈرگەن فېئوداللىق ھاكىمىيەت — قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى ۋە غايىۋى ئىسلاھ قىلىنىش شەكلى بولۇشىغا قارىماي، ئۇ يەنىلا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى دۆلەت — ھاكىمىيەت قاراشلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغانىدى. سىنىپلار ۋە سىنىپىي زىددىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ھەربىي كۈچلەر بىلەن دىندارلار ھۆكۈمرانلىق تەبىقىسىنىڭ تىپىك تۈسكە كىرمىگەنلىكى، قۇرۇلتاي ۋە بەگلىك، ھەتتا ئېلىك بەگلىك تۈزۈمىنىڭ روشەنلىكى مەركىزى ئاسىيا يايلاق — بوستانلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان خەلقلەر ھاكىمىيىتىنىڭ تىپىك قول ئېگىلىكىدىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنىڭ ئۆزى — خەلق ئاممىسى ( «بودۇن» ) بولۇپ، دۆلەتنىڭ — دۆلەت باشلىقى ۋە ھاكىمىيەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر ۋەزىپىسى — خەلقنىڭ خاتىرجەم ۋە بەختلىك تۇرمۇش تەرتىپىنى بەرپا قىلىش، دېگەن تۈپ تېمىسىنى پۈتۈن داستاندا ئىزچىللاشتۇرغان. بۇ خۇددى ژان. ژاك روسسو (1712 — 1778) نىڭ «جەمئىيەت پۈتۈمى» [3] ئەسەردە تىلغا ئېلىنغاندەك شۇنداق بىر تەبىئىي، گارمونىك پۈتۈم ئىدىكى، بۇنداق مۇقەددەس ( «قۇتلۇق» ) پۈتۈم دۆلەت بېگى تەرىپىدىن بۇزۇلىدىكەن، دەپسەندە قىلىنىدىكەن، خەلق تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بولغان مۇقەددەس قۇتقا تايىنىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئورنىغا باشقا مۇناسىپ پۈتۈن (دۆلەت)

291-بەت

تىكلىشى يوللۇق ئىدى. بۇ داستاننىڭ 3460 - ، 3464 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازغان:

نەگۈ تەز ئىشتىگىل بۇ ئەل كەند بەگى ئازۇن باشلاپ ئەلكە يەتلىمىش ئۆگى [نېمە دەر، ئىشتكىن، بۇ ئەل - كەنت بېگى، جاھاننى تۇتۇپ كەلگەن يېتىلمىش ئۆگى:] تۆرۈلۈگ بۇ بەگلەر يوق ئەرسە تىرىگ بايات بۇزغاي يەتى قات يەرىگ [يوق ئەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا، يەتتە قات زېمىننى بۇزاتتى خۇدا.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھىندىستان، ئىران ۋە گرېتسىيە ئەنئەنىۋى قاراشلىرىدىكى پاداشاھنىڭ مۇتلەق نوپۇزى ۋە قۇدرىتى چۈشەنچىلىرىنىڭ ئەكسىچە، شىمالىي ئاسىيا يايلاق جەمئىيىتى ئەنئەنىۋى قاراشلىرى ئاساسىدا «ھەقىقىي قۇدرەت قانۇندا»، «تەڭرى ئىرادىسى بىلەن خاقان بولىدۇ»، «قۇتلۇق خاقانلىقنىڭ ئىشى خەلقنى تويغۇزماق، كىيگۈزمەك، كۆپەيتمەك»، «دۆلەت قۇتى توپقا ئوخشايدۇ»، «قېرىشسا بېشەك قاتايدۇ» دېگەن تەرىزدىكى بىر قاتار قاراشلىرى بىلەن قانۇننىڭ مۇقەددەس ۋە ئۇنىڭ ئالەم قانۇنىيەتلىرىدەك دەخلىسىز، مۇقرەرلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئۆز ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھىتى بايانىدا، خەلقنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە ئۇلۇغ خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىشىنىڭ يۈكسەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ، 1293 - بېيىتتا مۇنداق يازىدۇ:

بەدۈكلۈك تىلەسە بودۇنقا ئۇلۇغ ئۆزۈڭگە ئاچۇق تۇت كۆڭلۈك يولۇغ

292-بەت

[تىلىسەڭ ئۇلۇغلۇق، بىل خەلق ئۇلۇغ، تۈزۈككە توغرىلىق يولىن تۇت ئوچۇق.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈچۈن خەلق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى مەسىلىسى ئۇنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي تەلىماتلىرىنى بايان قىلىشتىكى بىرىنچى ھالقا، ئاساسىي چىقىش نۇقتا ھېسابلانغان. ئۇ دۆلەت باشلىقىنىڭ ۋە پۈتۈن خادىملارنىڭ بارلىق ئىشى - ھەرىكىتى خەلق مەنىپەئىتىنى ئاساس قىلىش لازىملىقىنى، قانۇن تۈزۈشتىمۇ، ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىدىمۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تاشقى خىزمەتلەردىمۇ، ھەتتا دىنىي ئېتىقاد - ئىبادەتلەردىمۇ خەلق مەنىپەئىتىنى ئاساس قىلىشنى ئىزچىل تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىنسانىي خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئىنسانىي خاراكتېر خەلقنى سۆيۈشتە گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى، خان ۋە بەگلەر خەلقنى ساھادەتكە يېتەكلەيدىغان سەركە، خەلق دەرىدىنى داۋالايدىغان ماھارەتلىك ھېكىم بولۇشى لازىملىقىنى تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىيات ئىچىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە داستاننىڭ 1412-، 5241-، 5242-، 5243-، 5244- بېيىتلىرىدا مۇنداق يېزىلغان:

بودۇن قوي سانى ئول بەگى قويچىسى باغرىساق كېرەك قويغا قوي كۈتچىسى [خەلق قوي كەبىدۇر، بېگىدۇر چوپان، چوپان بولماق كېرەك قويغا مېھرىبان.] ئاي ئېلىگ ئوتاچى سانى سەن بۇ كۈن بودۇن بارچا ئىگلىگ ساڭا مۇڭلۇغۇن [ ئېلىڭ سەن تېۋىپقا ئوخشارسەن بۇ كۈن، ساڭا موھتاج ئېغىر ئاغرىق خەلق پۈتۈن.] قايۇسى كۆتۈرمۈش بولۇر كۈچ ئەرىنج قايۇسى چىغايلىق بىلە يەر ساقىنج

293-بەت

[بىرى چېكەكەچ زۇلۇم، بەختى قارادۇر، بىرى يوقلۇق غەمىدە ساناۋادۇر.] قايۇ ئاچ قايۇسى يالىنماش بولۇر قايۇ قايغۇ بىرلە ئۆلمەنمىش بولۇر [بىرى ئاچ، ئۇ بىرى يالىڭاچ يۈرۈر، بىرى قايغۇ - غەمدە پىغانلار چېكەر.] سەنىڭدە تۇرۇر كۆز بۇلارنىڭ غەمى ئوتاغىل دارۇ بىرلە بولغىل قامى [سېنىڭدە تۇرۇر، كۆر، بۇنىڭ دورىسى، داۋالا بولۇپ سەن ھەممىسەم - ئوستىسى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ فېئوداللىق ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قانۇن بىلەن چەكلەش، تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلغان ئاساسىي قانۇنلۇق پاداشاھلىق تۈزۈمى تەرزىدىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ بۇ خىل پاداشاھنىڭ خەلق ئالدىدىكى قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرى ۋە مۇشۇ مەجبۇرىيەت ئاساسىدىكى ھوقۇقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل تارىخىي قىممەتكە ئىگە بولغان ئاساسىي قانۇنلۇق كلاسسىك تەشەببۇسنى تارىختا بىرىنچى قاتاردا بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەقتە داستاننىڭ 5574 — 5583 بېيىتلىرىدا مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:

رەئىييەت ھەقى بار سەنىڭدە كۆر ئۈچ بۇ ھەقنى ئۆتەگىل ئۆزۈڭ قىلما كۈچ [سېنىڭدە پۇقرانىڭ ھەققى بار ئۈچ، بۇ ھەقنى ئۆتەسەن، ھېچ ئىشلەتمە كۈچ.] بىرىسى ئەلىڭدە تارىغ تۇت كۈمۈش ئىيارىن كۆدەزگىل ئاي بىلگى ئۈكۈش [بىرى ئۆز ئېلىڭدە كۈمۈشنى پاك ئەت،

294-بەت

ئەي ئىلمى كۆپ ئەرەسەن، ئايارىن① كۆزەت.] تاقى بىر بودۇنقا تۆرۇ بەركۆنى كۆتۈر بىر ئىكىدىن كۈچۈن كۆر ئانى [بىرى، توغرا قانۇننى خەلقىگە بەر، بىرىن - بىرى ئەزىمەتنى ئەلدىن كۆتەر.] ئۈچۈنچى ئەمەن تۈت قامۇغ يوللارىغ قاراغچىغ سەكەرچىگ ئارتتۇغىل تارىغ [ئۈچىنچى، ئەمەن قىل پۈتۈن يوللارنى، يوقاتقىن قاراقچى ۋە ئوغرىلارنى.] رەئىييەت ئۈزە ئول سەنىڭ ئاچ ھەقساك تىلەگۈ ئۇلاردىن سەن ئاچ قۇلاقساك [پۇقرالار ئۈزەرە بار سېنىڭ ئۈچ ھەققىڭ، ئۇلاردىن سورا، ئاچ ئەمدى قۇلاقساڭ:] بىرى يارلىغىنى ئاغىر تۇتسالار نەگۈ ئەرەسە تەركىن ئانى قىلسالار [بىرى، يارلىقىڭنى ئەزىز تۇتسالار، نېمە بولسا تېزدىن ئونى قىلسالار.] ئىكىنچ تىدماساقلار خەزىنە ھەقى ئۆدىندە تەگۈرسە ئاي ئەلگى ئاقى [ئىككىنچى، خەزىنە ھەققىن توسمىسا، ئەي مەردان، ھەقنى دەل چاغدا تاپشۇرسا.] ئۈچۈنچى ياغىقا ياغى بولسالار، سەۋەربەڭ كىم ئەرەسە ئانى سەۋسەلەر [ئۈچىنچى، يېغىغا يېغى بولسالار، سېنى سۆيگۈچىنى ئۇ ھەم سۆيسەلەر.] ئۆتەمىش بولۇر سەن ئۈزۈك ھەقلارىن ئۇلار ما ئۆتەمىش بولۇر ئۆز ھەقىن [ئۆتۈگەن بولۇر سەن ئۈزۈك ھەقلىرىن، ئولارمو ئۆتۈگەن بولۇر ئۆز ھەققىن.]

① مىتال پۇللار ساپلىقىنى كۈزىتىشنى نەزەردە تۇتىدۇ.

295-بەت

روشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھنىڭ ھوقۇقنى ۋە خەلقنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ھاكىمىيەتلىك ئورۇنغا قويغان. ئۇ ئاۋۋال مەجبۇرىيەت، ئاندىن ھوقۇق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىزاهلىغان. قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئۇ ئىقتىسادىي مەسىلىنى، بولۇپمۇ خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ئالاقىدار بولغان پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئىناۋەتلىك تېگىشىش رولى مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. بۇ ئەينى زاماندا ئەمەلىي ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ، كۈمۈش پۇللارنىڭ ساپلىقى بىر قانچە قېتىم بوزۇلغان ۋە نەتىجىدە يۈسۈپ قادىرخان، ئىبراھىم بىننى ناسىر ئارسلانخان دەۋرىدە كۈمۈش پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغانىدى.

«قۇتادغۇبىلىك» خەلقتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋە ئەڭ ئالىي رەھبەرلىكنى دۆلەت تۇتۇشنىڭ يولى، مەقسىتى، تەركىبى ۋە قۇدرەت مەنبەسى قىلغان ھالدا، مۇشۇ ئوق ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي - قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرى چەمبىرىكىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

3. «قۇتادغۇبىلىك»تە بىلىملىك ۋە ئادىل خاقان ھەققىدە

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خەلقنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى سەرلەۋھە قىلىنغان جەمئىيەتشۇناسلىق كۆزقاراشلىرىدا دانىشمەن ۋە ئادىل خاقان توغرىسىدىكى بايانلار مۇھىم بىر تەركىب ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇمكى، پەيلاسوپ پادىشاھتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي كاتېگورىيىنى ھازىر يۈرۈشۈپ تۇرغان قاراش بويىچە ئەڭ دەسلەپ گرىك ئوبېكتىپ ئىدىئالىست پەيلاسوپى پلاتون (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 427 — 347 يىللار) ئۆزىنىڭ «غايىۋى دۆلەت»

296-بەت

ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى. پلاتون شەخسەن ئۆزىنى مانا شۇنداق غايىۋى پەيلاسوپ ھېسابلايتتى.

فارابى ئۆزىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، دۆلەتنىڭ پەيلاسوپ رەئىسى بولۇشى، ئۇ دۆلەتنىڭ ئۇستازى ۋە رەھبىرى سۈپىتىدە خەلقنى بەخت ۋە پەزىلەتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە يۈكسەلدۈرۈشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئورخۇن - يېنىسەي ۋە تۇرپاندا مەڭگۈ تاشلار ھەم قەغەز كىتابلارغا يېزىلغان مەنبەلەردە بولسا، دانىشمەن ۋە ئادىل خاقان توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا - مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى خەلقلىرى سىياسىي ئىدىيەلىرى تارىخىنىڭ تولىمۇ روشەن بىر ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.

ئادەتتە دۆلەت باشلىقى ھېسابلىنىدىغان «پادىشاھ» چۈشەنچىسىنى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش خەلقلەر «ئېلىگ»، «ئېلىگ بەگ»، «ئېلىگ خان تۆرۈ»، «ئېلىگ قۇتى»، «خان»، «خاقان»، «ئىدۇقۇت» قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە پەرقلىندۈرۈپ چۈشەنگەن. «تونىيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»دىن «تۇرپان تېكىستلىرى» غىچە ئوخشاش ئىشلىتىلگەن بۇ ئىبارىلەر «قۇتادغۇبىلىك»تىمۇ ئىزچىل ئىپادىلەنگەن. «ئالتۇن يارۇق»تا ئەڭ چوڭ ئىمپېراتور «ئازۇنچى» (جاھان تۇتقۇچى، جاھان كوشاي) دەپ ئىشلىتىلگەن.

بىلىملىك، ئادىل پادىشاھ توغرىسىدىكى ئەقىللەر ئەڭ يۇقىرى مەنبەلەردە تەنتەنىلىك تىلغا ئېلىنغان. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»دىكى: «بىلىكسىز قاغان ئولتۇرمۇش ئېرنىچ» (ئۇ بىلىمسىز قاغان ئىدى) ، «ئايىغ بىلىك ئانتا قۇيۇر ئېرمىش» (ئۇ يەردە ئۇ ئىلىم ئۆگەندى) ، «تونىيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»دىكى: «قاغانى ئالپ ئېرمىش، ئايىغۇچىسى بىلىك ئېرمىش» (خاقانى قەھرىمان، مەسلىھەتچىلىرى ئالىملار ئىدى) ، «تۇرپان

297-بەت

تېكىستلىرى» دېكى: «ئەي مېنىڭ قىزىم، بىلگە بىلىگىڭ مۇنتادا ئۆتتۈك يىگىدەتەك» (ئەي مېنىڭ قىزىم، ئەقىل ۋە بىلىمدە سەن ئەمدى غەلىبە قازاندىڭ) ، «ئالتۇن يارۇغ» دېكى: «بىلىگلىگ ئەرتەملىگ قۇتلۇر» (بىلىملىك، ئەخلاقلىق قۇتلۇق بولۇر) ، خەلق تەمسىللىرىدىكى «ئۇلا بولسا يول ئازماس، بىلىگ بولسا سۆز يازماس» (مەشئەل بولسا يول ئازمايمىز، بىلىم بولسا سۆزدە يېڭىلمەيمىز) دېگەن سۆزلەر ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش خەلقلەردە «ئۆگە» (مەسىلەن، قۇتلۇق باغا تارقان ئۆگە، ئىنان ئۆگە، ئۆگە بىلگە بەگ) ، «بىلگە» (مەسىلەن، بىلگە بەگ، بىلگە قاغان، ئىنانچۇ بىلگە، ئىنانچۇ كۆل بىلگە قاغان، ئوغۇز بىلگە، تۆلەش بىلگە) ئىبارىلىرىمۇ ئەقىللىق، بىلىملىك، دانا يېتەكچىگە قارىتا كەڭ قوللىنىلغان.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، بىلىملىك ۋە دانىشمەن خاقان توغرىسىدىكى قاراش، مەزمۇنەن قانداق مۇئەييەنلىككە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نوقۇل ۋە يىگانە ھالدا گىرىك ھادىسىسى ئەمەس ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ فارابى ئىدىيىلىرىنى قوبۇل قىلغان ھالدا ئەنئەنىۋى بىلىملىك خاقان قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بارلىق خاقان - پادىشاھلارنى ئىككى كاتېگورىيىگە - نادان ۋە جاھىل، دانىشمەن (بىلىملىك) ۋە ئادىل دېگەن ئىككى تىپقا ئاجرىتىپ، ئۆز ئۆمىدىنى بىلىملىك، ئادىل خاقانلارغا بېغىشلىدى. ئۇ داستاننىڭ 249-، 653- بېيىتلىرىدا يامان خاقاننى ئوتقا، ھەتتا 784- بېيىتىدا ئۇنى يىرتىقۇچ يولۋاسقا ئوخشىتىپ مۇنداق يازىدۇ:

298-بەت

ئەھسىزلىك ئوت ئول ئوت كۆيۈرگەن بولۇر يولىندا كەچىك يوق ئۆتۈلگەن بولۇر [يامانلىق ئېرۇر ئوت، بۇ ئوت كۆيدۈرۇر، ئۆتۈشكە يولىدا كېچىك يوق ئېرۇر.] بۇ بەگلەر ئوت ئول ئوتقا بارما ياقۇق قالى باردىڭ ئېرسە كۆيۈرمەك قانۇق [بۇ بەگلەر ئېرۇر ئوت، يېقىن بارما ئەر، كۆيۈشۈڭ ئېنىقتۇر، بارارسەن ئەگەر.] كۆر ئارسلانقا ئوخشار بۇ بەگلەر ئۆزى پۇشۇرسا كەسەر باش ئاي بېلكى يارۇق [بۇ بەگلەر خۇددى بىر ئارسلان ئۆزى، ئەي ئالىم، غەزەپلەنسە باشنى كەسەر.]

داستاننىڭ 1780 - ، 1781 - بېيىتلىرىدىن تۈزۈلگەن بىر رۇبائىيسىدا يەنە:

بىلىمسىزكە دەۋلەت كەلۈر ئېرسە قۇت بۇدۇن بارچا بۇزۇلۇر بولۇر، ئەلكە يۇت ئۇقۇشلۇققا تەگسە ئادەن بەگلىكى ئەلىن ئىنچىكە تەگرۇر بۇ بىر سۆزكە پۇت [بىلىمسىزگە كەلسە دۆلەت بىلەن قۇت، پۈتۈن خەلق بۇزۇلۇر، بولۇر ئەلگە جۇت. ئەقىللىققا تەگسە بىر ئەل بەگلىكى، بېرەر ئەلگە ھۇزۇر، مۇشۇ سۆزگە پۇت.]

دەپ كۆرسىتىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھ - خاقاننىڭ يۇقىرى نەسەبتىن كېلىپ چىقىشنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، ئۇ داستاننىڭ 1938 - ، 1949 - ، 1950 - ، 1959 - ، 2437 - بېيىتلىرىدا فېئوداللىق قانداشلىق كۆز قاراشلىرى ئاسارىتىنى يۈسۈپ قۇتۇشتە فارابىنىڭ

299-بەت

ھەممە كىشىدە دۆلەت رەئىسى بولۇشنىڭ ئومۇمىي ئىمكانىيەتلىرى بارلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىدىن كەينىگە داجىيدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي يەنىلا ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىمنى دۆلەت باشلىقى بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ شەرتى ئورنىدا مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 301 - بېيىتىدا:

كىمىدە ئوقۇش بولسا ئەسلى بولۇر قايۇدا بىلىك بولسا بەگلىك بولۇر [ئەقىل كىمدە بولسا، بولۇر ئۇ ئېسىل، بىلىم كىمدە بولسا، بولۇر خان ئۇ، بىل.]

دېسە، داستاننىڭ 217 -، 218 -، 4013 - بېيىتلىرىدا ئوخشاش مەزمۇندا مۇنداق يازىدۇ:

ئاجۇن تۇتقۇقا ئەر ئۇقۇشلۇغ كېرەك بۇدۇن باسغۇقا ئۆگ كېرەك ھەم يۈرەك [جاھان تۇتقىلى ئەر ئۇقۇشلۇق كېرەك، كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك.]

ئۇ داستاننىڭ 1906 - بېيىتىدا:

بىلىك ئوردۇسى ئول بۇ بەگلەر ئۆزى [ بىلىم ئوردىسىدۇر بۇ خانلار ئۆزى.]

دەپ، خانلىق تەختىنى بىلىم تەختىگە، خانلىق ئوردىسىنى بىلىم ئوردىسىغا، خاننى بىلىك (بىلىملىك دانىشمەن) كە تەققاس قىلسا، 1968 - بېيىتىدا بىلىمسىزنىڭ ئۆز ئىشىغا تەپەككۇرى ۋە پاراسىتى يەتمەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

300-بەت

بۆدۈنۇغ، بىلىك بىرلە باستى بەگى بىلىك بولماسا ئىشكى ياقماز ئۈگى [بىلىم بىرلە تۇتار ئىلىنى بېگى، بىلىم بولمىسا، ئىشقا يەتمەس ئۈگى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت باشلىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سىياسىي كاتېگورىيىنى خەلق مەنپەئىتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم جەمئىيەتشۇناسلىق كاتېگورىيىسى ئاساسىدا كۆزەتكەن. ئۇ داستاننىڭ 457 -، 890 -، 895 -، 3266 -، 5084 - بېيىتلىرىدا مۇشۇ ئىدىيىنى مۇنداق گەۋدىلەندۈرگەن:

نە ئەدگۈ بولۇر بەگ ئول ئەدگۈ كىشى كىشىلىك بىلە ئەتسەئەل كۈن ئىشى [نە ياخشى بولۇر بەگ ئۇ ياخشى كىشى — كىشىلىك بىرلە قىلسا ئەلنىڭ ئىشى.] ئەسىز باش كۆتۈرسە كۆر ئەدگۈ يەتەر بۇ ئەدگۈ ئەلىگ بولسا ئەسىز كەتەر [يامان باش كۆتۈرسە، ياخشىلار تۈگەر، گەر ياخشى بەگ بولسا، يامانلار يىتەر.] ئاياغ ئەدگۈ بولسا بۇ بەگلەر ئۆزۈن بايۇر بۆدنى بارچا كۆر ئەتلۈر ئازۇن [ئۆزى ياخشى بولسا بۇ بەگلەر ئەگەر، بېيىپ ھەممە خەلقى، جاھان تۈزۈلەر.] بەگى بولسا ئەدگۈ بۆدۈنقا پۈتۈن ئانىڭ ئاسغى بارچا بۆدۈن يەر قۇتۇن [بېگى بولسا خەلققە ياخشى ۋە ئادىل، ئۇنىڭ نەپىدىن ئەل تاپۇر بەخت، بىل.] بىلىكلىگ بىلىك بەردى مۇنداق ئايۇر بەگ ئەدگۈ كۆنى بولسا بۆدنى بايۇر [بېرىپ تەلىم بىر ئالىم شۇنداق ئېيتۇر: بېگى ياخشى، ئادىل بولسا، خەلق بېيىر.]

301-بەت

شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، داستاننىڭ 5166 -، 5200 -، 5201 -، 5203 -، 6106 - بېيىتلىرىدا خەلق ئاممىسى پرىنسىپى خانلىق سەلتەنىتىنىڭ ئۈستىگە مۇنداق ئېنىق ۋە ھاياجان مىسرالار بىلەن قويۇلغان:

يولا تەگ كۆيەر سەن بۇ كۈن ئاي ئەلىگ يارۇقلۇق ئادىتقا تۇرۇر ئاي سىلىگ [چىراغدەك يانۇرسەن ئەي ئېلىگ بۈگۈن، ئەي پاك قەلب، يورۇقى بۆلەكلەر ئۈچۈن.] بۇ كۈن ئەدگۈ بولسۇن تەسە سەن قامۇغ ئۆزۈڭ ئەدگۈ بولغىل ئاي ئەلدە ئۇلۇغ [بۇ كۈن ياخشى بولسۇن دېسەڭ بارچىسى، ئۆزۈڭ ياخشى بولغىن، ئەي ئەل كاتتىسى.] قامۇغ بولغا ئوقنى سۆزەمىن تەسە ئۆزۈگ سۆزگۈ بودۇنۇڭ سۆزۈلگەي باسا [دېسەڭ بولغىنلارنى بولسۇن سۈزۈك، سۈزۈل سەن، كېيىن خەلقمۇ بولغاي تۈزۈك.] بودۇن ئارتاسا ئانى بەگلەر تۈزەر قالى ئارتاسا بەگ ئانى كىم سۆزەر [بۇزۇلسا خەلق، ئونى بۇ بەگلەر تۈزەر، ئونى كىم تۈزەر بەگ بۇزۇلسا ئەگەر.] ئاقلىق ئول ئەرمەز ئۆلەسه كۈمۈش ئاقى جانى خەلققا قىلۇر ئول يولۇش [سېخىيلىق ئەمەستۇر تاراتماق كۈمۈش، سېخىيلىق — خەلققە جانىدا بولۇش.]

ئاپتور بىلىملىك خاقاننى خەلققە يورۇق بېرىدىغان، ئۆز ھاياتىنى مۇشۇ جانپىدالىقتا ئاخىرلاشتۇرىدىغان پاك شام سۈپىتىدە بولۇشقائىنىدەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئۈمىدلىرىنى فارابىدەك

302-بەت

كىتاب يۈزىدە ئىزھار قىلىش بىلەن چەكلەنمەي، بەلكى قاراخانىيلارنىڭ تەرەققىيپەرۋەر خاقانى ئەبۇئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا قاراخان (ئارسلانخان) غا بېغىشلانغان. شۇ نېرسە دىققەتكە سازاۋەركى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى توغرۇل قاراخان مەھمۇد بىننى يۈسۈپ ياكى ئۇنىڭ ئوغلى توغرۇل تېكىن ئۆمەر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەس، بەلكى ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ تۇرغاندىمۇ ئۆز پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلغان ئەبۇئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغراخان خانلىق سەلتەنىتگە يېڭى كۆتۈرۈلگەندە شۇنىڭغا ئاتىغانىدى. بىز مۇئەللىپنىڭ تارىختا ئۆتكەن قەدىمكى تۇران شاھى ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ) نى ئەقىل ۋە بىلىم، قانۇن ۋە قىلىچ سىمۋولى، شۇنىڭدەك پاراۋانلىق ۋە پەزىلەت ھامىيسى سۈپىتىدە تىلغا ئالغانلىقىدىنمۇ، جۈملىدىن داستاننىڭ «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى بايانىدا» ناملىق خاس بابى بىلەن كۈنتۇغدى مەجازى تەسۋىرىگە ئائىت كۆپلىگەن بابلاردىنمۇ بۇ نۇقتىنى روشەن كۆرۈۋالالايمىز.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئاغرىنىپ شىكايەت قىلغان ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكلەرنى تۈزەشكە ئىجازەت كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۆزىنىڭ ئۈمىددىكىدەك ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى — ئەبۇئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايماننىڭ تابغاچ خانلار خانى — ئارسلانخانلىق تەختىگە چىققانلىقىنى بىر پۈتۈن ھايات باھارىغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەيدى. پۈتۈن قىزغىنلىقى ۋە لىرىك ئۈمىدۋارلىقى بىلەن ئۆز داستانىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇغراخان ئوبرازىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن باھارىيات نەزمىسىنى يېزىپ چىقتى. باھارىيات نەزمىسىدە بۇغراخان پۈتۈن كائىناتنىڭ مەركىزى، ئۈمىدى، نىجاتچىسى سۈپىتىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ۋە تەڭرى نۇپۇزى شۇنىڭغا تاناسپ ھالدا تۆھپىلەشتۈرۈلگەندى. بۇ نەزىمىدە

303-بەت

مۇنداق بىر ئەزىمەت دۇنياغا كەلمىگۈچە پۈتۈن ئالەمنىڭ تۈمەن يىل «تۇل ئايال» دەك يۆلەنچىسىز قالغانلىقى، ئەمدى تولۇق كىيىمىنى يېشىپ تاشلاپ، سۈسەر كىيىم كىيىپ ياسانغانلىقى، «تۈركىي خەلقلەر» نىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بەخت ئۈچۈن كەڭ تەبىئەت ھاياجانلىنىپ، بۇلبۇللار «سۇلايمان قەسەدىسى» (ئەبرى سۈرىسى) ئوقۇغانلىقى، مىڭلىغان كىشىلەر قاتارىدا ئۆزىنىڭمۇ بۇ «دۇنيا جامالى، ئۇلۇغلۇق گۈزەللىكى، دۆلەت نۇرى، ۋاپاسىز بەختنى يۆگەنلەپ تۇتقۇچى» خەلق تاجىغا «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى سوۋغا قىلغانلىقى يوقىرى ماھارەت بىلەن سۈرەتلىنىدۇ. داستاننىڭ 84 _ 85 _ بېيىتلىرىدا ئالەم تىلىدىن مۇنداق خىتابەت بېرىلگەن:

تۈمەن يىلدا بەرۇ تۇل ئەردىم تۇلاس بۇ تۇل تونى سۆچۈلۈپ ئۆرۈلۈ كەتتىم ئاس [تۈمەن يىل ئەردىم، سولغۇن يۈز سىم، سېلىپ تۇل كىيىم، كېيىدىم ئاق ئاس① كىيىم.] بەزەندىم بەگىم بولدى خاقان ئۇلۇغ ئۇتۇندۇم مونو قۇلسا جانىم يۆلۈغ [ئۇلۇغ خان بەگىمدۇر، ياساندىم شۇڭا، قوبۇل قىلسا، جانىم پىدادۇر ئاڭا.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇغراخاننى دانىشمەن پادىشاھ كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۈلگىسىدە ئالغا يېتەكلەشكە، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي - ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنىڭ ئىجراچىسى ۋە گەۋدىلەندۈرگۈچىسى قىلىشقا ئىنتىلگەن. «قۇتادغۇبىلىك» تە مۇنداق غايىۋى دۆلەت باشلىقلىقىغا ئەڭ ئاساسلىق ئىككى سۈپەت شەرتى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، يۇقىرىدا ئىزاھلانغان:

① ئاس - سۈسەر.

304-بەت

قىلىنغاندەك يۈكسەك ئەقىل — پاراسەت ۋە يۈكسەك بىلىم — پەزىلەت ئىگىسى بولۇش بولسا، ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ ئادالەتلىك قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرىدىغان، خانلىقنى توغرا سىياسەت بىلەن بېزەندۈرىدىغان، شۇ ئارقىلىق تەپەككۇر پەلسەپىسىنى ئەمەلىيەت پەلسەپىسىگە، سىياسەت پەلسەپىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشى خاقان مىسالىغا يالغۇز ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۇران شاھى ئافراسىياپنى كۆرسىتىپ قالماي، يەنە ئىرانلىقلارنىڭ نۇشىرۋان ئادىلنىمۇ ئەنە شۇنداق ياخشى خاقان سىمۋولى قىلدى. شۇ ئارقىلىق بىرىنچىدىن ياخشى — يامانلىق مىزانى ئىسلامىيەت بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆتەپەككۇرانە ئىدىيىسىنى، ئىككىنچىدىن مۇنداق مىزان يەنە تۇران — ئىران دېگەندەك مىللەت بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىسلام فۇقىھلىرىدىن ھەم «شاھنامە» دە مىللىي ھېسسىياتنى مۆتىدىلەشتۈرۈۋەتكەن ئابۇلقاسىم فىردەۋسىدىن كۆرۈنەرلىك ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ زاھاك سىمۋولىدا زالىم، قورقۇنۇچلۇق، دەرغەزەپ، ئۆز بېشىمچى، چىرىگەن، مەغرۇر پادىشاھلارنى قاتتىق سۆكىدۇ، تارىخىي، ھەتتا رىۋايەتتىكى ئىجابىي — سەلبىي پادىشاھلار ئارقىلىق رېئال ۋە كەلگۈسىدىكى دۆلەت باشلىقلىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئادالەت يولىغا دەۋەت قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەزەلدىنلا تارىخنى قەھرىمان يارىتىدۇ، دەپ قارىمىغان. ئەمما ئۇ مۇنداق قەھرىماننىڭ ئاقىلانە، خەلقپەرۋەر يول بىلەنلا تىللاردا داستان بولىدىغانلىقىنى، ئەكس ھالدا نەپرەت ئۈلگىسى بولۇپ

305-بەت

قالدۇرغانلىقنى ئىزچىل تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتە تۇرپاندا تېپىلغان تېكىستلاردا مۇنداق قەيت قىلىنغاندى: «ئول يېمە ئېلىگ بەگ يارلىقانچۇچى كۆڭۈللۈك توقلۇغ ئېرىپ» (ئۇ ئېلىگ بەگ ئاق كۆڭۈل، ئادىل، ھەققانى ئىدى)، «سىز تۆرۈ سۆزۈن ئۆدسۆزكە كېنتۇ تۈزۈڭۈز يازىنسارسىز ئۆترۈ قامۇغ ئېلىگىز بولغانغاي» (ئەگەر سىز قارىشلىشىپ قانۇننى دەپسەندە قىلسىڭىز، پۈتۈن ئېلىگىڭىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋالىسىز).

4. «قۇتادغۇبىلىك»تە دۆلەت خادىملىرى ھەققىدە

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ دۆلەت توغرىسىدىكى بايانلىرىدا، ئەينى زامان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىل، بىلىم، ئەخلاق ۋە كەسپىي سالاھىيەتلىرى كەڭ ئىزاھلانغان. بىز بۇ بايانلاردىن قاراخانىيلار دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ مەركىزىي ۋە يەرلىك ھاكىمىيەت سىستېمىلىرى، خان جەمەتى نەسەب، دەرىجە سىستېمىسى، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىق سىستېمىسى، ئوردا مۇلازىمەت خادىملىرى سىستېمىسى، قانۇن ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشنى باشقۇرغۇچى ھەر دەرىجىلىك خىزمەتچىلەر ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرغا ئىگە بولالايمىز. ئورخۇن - يەنەسەي تاشپۈتۈكلىرى، تۇرپان تېكىستلىرى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ جەھەتتە بىر قەدەر روشەن تونۇشقا ئىگە بولالايمىز.

داستاندا خان («ئېلىگ») ۋە خان جەمەتى نەسەب تۈركۈمىدىكى تېگىن بەگ، قۇنچۇ (خانزادە)، چاغرى بەگ (چاغرى تېگىن)، قاتۇن (خاتۇن)، ئىنىال (شاھ نەسەبىدىكى ئايال تەرەپ بالىلىرى) قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغاندىن تاشقىرى، ئاپتور خەلىقتىن چىقىپ ئەمەلدار بولغان «تابۇغچى»

306-بەت

(خىزمەتچى)لار تەبىقىسى ئىچىدە ۋەزىر («بۇيرۇق»، «يۇغرۇش»)، سەركەردە - ساغۇن («سۇ بېشى»)، باش ۋالىي («يانجۇ»)، باش تەپتىش، خاس ھاجىپ («ئۇلۇغ خاس ھاجىپ»، «خاس ھاجىپ»)، ئاكالەتچى بەگ («ئىنانج بەگ»)، «تۇكسىن» (خاندىن كېيىنكى 4 - دەرىجە ئەمەلدار)، خىزمەت كۆرسەتكەن بەگ («چاۋلى بەگ»)، ئېقىلچى بەگ («تۆگە»)، باش كاتىپ ۋە كاتىپ («مىلمىغا»، «بىتىكچى»)، مالىيە ۋەزىرى («ئاغىچى بەگ»)، ئەلچى («يالاۋاچ»)، ئوردا مۇھاپىزەت بېگى («ئىشىكئاغا»)، باش مېھمان كۈتۈكۈچى بەگ («باش ساقى») قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ نام - ئاتىلىشى، خىزمەت ۋەزىپىسى، جۈملىدىن ئوردىمۇ - ئوردا مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار قائىدە - يۇسۇنلار ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى، يۇقىرىقى نەسەب ۋە مەنەپ ناملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەنئەنىۋى بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بىرلىككە ئىگە. مۇئەللىپنىڭ 1910 - يىلى ئېلان قىلغان «تۇرپان بوددا تېكىستلىرى»دە مۇنداق يېزىلغان: «ئېللەردە بەگلەر، بۇيرۇقلار، بۈترۈكلەر قونچۇي قاتۇنلار تېگىنلەر، ئىناللار، ئۇلۇغ باي باياغۇتلار كېنتۇ كېنتۇ ئېركىنلەر، تۆركلەرنى ئېندالاپ تويىن دىندار بولۇپ تارقانت قۇتۇن بولتىلار» (خانلار، بەگلەر، ۋەزىرلەر، ئەمەلدارلار، خانزادىلەر، خانىشلار، تېگىنلەر، ئىناللار، ئۇلۇغ باي دۆلەتمەنلەر ئۆز - ئۆزىدىن ئەمەل - مەنەپلىرىنى تاشلاپ، بوددا راھىبى بولۇپ تارقانتلىق قۇتۇنغا مۇيەسسەر بولۇشتى). بۇنىڭدىن باشقا «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»دا «يانجۇ»، «تۇتۇق»، «يانجۇ»، «قۇتلۇغ باغ تۇرغان بۇيرۇغى»، «ئىنال قاغان» دېگەن سۆزلەر، «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»دا: «تۈرگەش قاغاندا ماقاراچ تامغاچى ئوغۇز بىلگە تامغاچى كەلدى» (تۈرگەش

307-بەت

خانلىقدىن ماقاراچ تامغىچى بىلەن ئۇغۇز بىلگە تامغىچى كېلىشتى) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» مۇئەللىپى ئەنئەنىۋى قاراشلار ئاساسىدا فارابىنىڭ مۇتەپەككۇر دۆلەت رەئىسىدە بولۇشى لازىم بولغان شەرتلەر بىلەن دۆلەت ئەمەلدەرلىرىدە بولۇشى لازىم بولغان شەرتلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت خادىملىرى دۆلەت باشلىقىنىڭ تاللاپ بېكىتىشى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىشى لازىم، دەپ قارىغان. ئۇ دۆلەت باشلىقىدا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئادەم تاللاش ۋە دۆلەت خادىملىرىنى ئىشقا سېلىش ماھارىتىنى قوشۇپ تىلغا ئالغان. ئۇ دۆلەت باشلىقى يېنىدا ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىدىغان ياراملىق كىشىلەر بولمىسا، ئىش يۈرۈشمەيدۇ، ھەتتا كۆڭۈلنىڭ بىر دە ئەتراپىنى چىلبۆرىلەر قاپلاپ كېتىدۇ، ياخشى بەگ - ئەمەلدارلار ئىشقا قويۇلمىسا، قارا نىيەت، سويىقەستچى يامان كىشىلەر ھوقۇق تۇتسا دۆلەت خارابلىشىدۇ، خەلق جاپا چېكىدۇ، دەپ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ 2968 - بېيىتىدا - بېيىتىدا:

تاپۇغچى بىلە بەگلەر ئەلگى ئوزار تاپۇغچى بىلە ئەركلىگ ئەل كەند تۈزەر [خادىملار بىلەن بەگ قۇلى ئوزۇرار، خادىملار بىلەن بەگ ئەل - يۇرتنى تۈزەر.]

دەپ، ھەر خىل ئوردا - خانلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالسا، داستاننىڭ 5305 - بېيىتىدا چوققۇر مەنىلىك قىلىپ:

كىشى سۆزگە بەرمە ئەلدە ئەلىگ سەزىڭ تۇتما بوزغاي ئېتلىمىش ئەلىگ

308-بەت

[كۆزى ئاچقا بەرمە ئورۇن، ئىقتىدار، ئۇ شەكسىز، تۈزەلگەن ئېلىكنى بۇزار.]

دەپ، قارا نىيەت، مەنسەپ ھەۋەسكارلىرىنى ھاكىمىيەت ئورنىغا يېقىن يولاتماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەمەلدار — بەگلەرنىڭ ئەقىل — پاراسەتلىك، بىلىملىك، پەزىلەتلىك، سەبىر — مەردان، ياخشى مىجەزلىك، ئادىل، ئۆزىنى تۇتقان، نەپسىنى يىققان، خەلق سۆيەر، ئىشچان ۋە ھوشيار بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەقىلسىز، نادان، قوپال، ئاچكۆز، زورۋان ۋە غەپلەتپەرەس كىشىلەرنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىگە يولاتماسلىقنى تەكىتلىگەندە، بولۇپمۇ ئەقىل — پاراسەت ۋە بىلىم شەرتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇنىڭچە، بۇ شەرتلەر بولمىغان ناداندا ساختا خوشامەتتىن باشقا گۈزەل سۈپەت ۋە گۈزەل پەزىلەتنىڭ بولۇشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ داستانىنىڭ 1951 — ، 1952 — ، 1953 — بېيىتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

ئۇقۇشلۇغ كەرەك ھەم بىلىكلىگ كەرەك ئاقىللىق كەرەك ھەم سىلىكلىك كەرەك [ئەقىللىق كېرەك ھەم بىلىملىك كېرەك، سەبىرلىك كېرەك ھەم سىلىقلىق كېرەك.] بىلىك بىرلە بەگلەر بودۇن باشلادى ئۇقۇش بىرلە ئىش — كۈن ئىشىن ئىشلىدى [بىلىم بىلەن بەگلەر ئېلىن باشلىدى، ئەقىل بىلەن خەلقىنىڭ ئىشىن ئىشلىدى.] بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىغ تۇرۇر بىلىك لامی كەتسە بەگ ئاتى قالۇر

309-بەت

[بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىق تۇرۇر، بىلىك «لامى» كەتسە، بەگ ئاتى قالۇر①. ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئەمەلدار - بەگلەرنىڭ نېمىنى قىلىشى، نېمىنى قىلماسلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇ ھاراق - شارابقا بېرىلىش، غەزەپنى باسماسلىق، يالغان پىتنە - بوھتانغا ئىشىنىش، پارىخورلۇق، سويىقەستلىك بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى بىر-بىرلەپ سۆكۈيدۇ. بۇ ئەينى زامان مەمۇرىي ئاپپاراتىدا ساقلانغان ئىللەتلەرنىڭ نېمىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ۋە خەلققە بولغان مۆلچەرلىگۈسىز تارىخىي زىيانلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ دۆلەت باشلىقى ۋە بەگ - ئەمەلدارلارنىڭ ئىنسابلىق بولۇشىنى، نومۇس ۋە قانائەت كۆز قارىشىنى تىكلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇنى خەلق نەزىرىدىن ئايرىلىپ، خەلق غەزىپىنىڭ ئۆركەشلىك دولقۇنى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشى ئېھتىمالى بىلەن تىلغا ئېلىپ قالماستىن، يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاقىي ئۆلچەم نۇقتىسىدىن، كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ياكى ئۆلگىنىدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي باھاسى نۇقتىسىدىن تىلغا ئالغان. ئۇ ئالەمنىڭ ئۆزلۈكسىز ھەرىكىتى، بەخت ۋە بەختسىزلىك، مۇۋەپپەقىيەتمۇ، ھالاكەتنىمۇ بىقارارلىقى، بەختكە ۋە دۆلەتكە ئېرىشكەندە پەقەت ياخشى ئىش قىلىشى، زادى يامانلىققا يولماسلىقى، بەخت ۋە دۆلەتتىن ئىبارەت خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ گۈزەل شارائىتىنى قولدىن بېرىپ قويماي، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى يۈكسەلدۈرۈش لازىملىقى مەسىلىسىنى خان ۋە ئەمەلدار - بەگلەرگە قارىتىلغان ئاساسلىق تەربىيە سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويىدۇ.

ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى يېزىش، خاس

① سۆز «بىلىك» ۋە «بەگ» ئىبارىلىرىنى پەرقلەندۈرگۈچى «ل» ھەرپى ئۈستىدە بارىدۇ.

310-بەت

ھاجىپلىق مەرتىۋىسىنى قوبۇل قىلىپ قىزغىن پائالىيەت كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىدىمۇ دەل مانا مۇشۇ كىشىلىك تۇرمۇش كۆز قارىشى، سىياسىي - ئىجتىمائىي كۆز قارىشىنى تەشۋىق قىلىش، جارى قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇ داستانىنىڭ 2000 -، 2002 - بېيىتلىرىدا زۇلۇم، پارىخورلۇق ۋە خىيانەتكە سەۋەب بولغان ئاچكۆزلۈكنىڭ دۇنيادىكى ھەممە تېب - ھۆكۈمالار داۋالىيالمايدىغان، ئۇنى پەقەت لەھەت توپىسىلا داۋالىيالايدىغان قورقۇنچلۇق كېسەل ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

كۆزى توق كېرەك ھەم ئۆتۈتلۈغ توزۇن ئاچۇق ھەم يارۇق بولسا قىلغىن سۆزۈن [مۇلايىم، ئۇياتلىق، كۆزى توق كېرەك، قىلىق، سۆزدە يورۇق - ئوچۇقلۇق كېرەك.] بۇ سۇقلۇق ئوڭ ئول بىر ئوتى يوق ئاڭا، ئانى ئەمەيۈمەز بۇ دۇنيا قامى [بۇ ئاچكۆزلۈك ئاغرىق، داۋا يوق ئاڭا، جاھاندا ھېچكىم چارە تاپالماس بۇڭا.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت خادىملىرى پەزىلەتلىرى ۋە شەرتلىرى توغرىسىدىكى بۇ تەتقىقپەزۋەر قاراشلىرى گەرچە خەلقنىڭ سايلام يولى بىلەن تاللىشى مەسىلىسى ئورنىغا (بۇ خىل قاراشنى ئۇ چاغدا تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى) پادشاھنىڭ شەرتلىك تاللىشى ئارقىلىق ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنە بۇ خىل شەرتلەر تىكلەنگەن. تارىخىي تەجرىبىلەر داۋاملىق ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ پەزىلەت ۋە شەرتلىرى، ئۇلارنى تاللاش ۋە ئىشقا قويۇش دۆلەت سۈپىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك غايەت زور ئەمەلىي مەسىلە سۈپىتىدە ھېلىمۇ تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە.

311-بەت

5. «قۇتادغۇبىلىك»تە خەلقلەر دوستلۇقى ۋە تاشقى ئىشلار ھەققىدە

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا خەلقلەر دوستلۇقى ۋە تاشقى ئىشلار (دىپلوماتىيە) ئۈستىدە بەزى مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆز داستانىدا كۈنتۇغدى ئېلىگ ئاغزىدىن «خوشاللىق — دورۇسلۇقتا» (1288 - بېيىت) ، «بالا - قازا كۆپەيگەندە ياخشىلىق قىل» (1367 - بېيىت) ، «بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئاتما» (1375 - بېيىت) ، «نە ئىشقا كىرەرسەڭ چىقىشىنى ئويلان، چىقىشنى ئويلىماسلىق كەلتۈرەر زىيان» (1316 - بېيىت) ، «گويا بىر تۇزلۇق سۇ دۇنيا مېلى، كىشى قانماس ئىچىپ نەم بولماس تىلى» (1408 - بېيىت) ، «ھارامغا قوشۇلما ۋە كۆرسەتمە كۈچ، خۇسۇمەت قىلىپ تۆكمە قان، ئالما ئۆچ» (1433 - بېيىت) ، «كۈچ ئىشلەتمە» ، «غاپىل بولما» (1451 - ، 1452 - بېيىتلار) ، «كىشىنى مالىنى ئالما ھەم تۆكمە قان، بۇ ئىككى گۇناھتىن ئېگىرەپ چىقار جان» (1395 - بېيىت) قاتارلىق نۇرغۇن مۇھاكىمىلىك پىكىرلەرنى بايان قىلىدۇ.

ئىچكى نىزا، تاشقى ئاداۋەت، ساختا شۆھرەت ۋە مىللىي - دىنىي قىساسكار ئۇرۇش - ماجىرالىرى بىلەن تالان - تاراج مەقسەت قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش تۇتەكلىرى ئۆزۈلمىگەن ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلقلەر دوستلۇقى ۋە باراۋەرلىكى ئىدىيىلىرىگە ۋەكىللىك قىلدى.

ئۇ ئۆز داستانىدا يىپەك يولى بويىلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن خەلقئارا سودا، قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ھەرقايسى ئەللەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچى («يالۋاچ») ۋە ئۇنىڭ لىياقەتلىك شەرتلىرى توغرىسىدا

312-بەت

نۇقتىلىق توختالدى.

روشەنكى، «يالئاۋاچ» ئىبارىسى ئەڭ دەسلەپ «ئالتۇن كۆل مەڭگۈ تېشى» دا: «تۈپۈت قانىغا يالاباج باردىم» (تۈبەت خانلىقىغا ئەلچى بولۇپ باردىم) دېگەن تەرزدە، كېيىن يارغۇلدىن تېپىلغان 225 بەتلىك پال كىتابىدا: «تەڭرى يالئاۋاچى» (تەڭرى ئەلچىسى) دېگەن تەرزدە ئۇچرىغاندى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇنجى بولۇپ، دۆلەت ئەلچىسى مەسىلىسىنى دۆلەت تەلىماتى يۈكسەكلىكىدە تىلغا ئېلىپ بايان قىلدى.

تۆۋەنچە، ئەلچى مۇھىم ئەمەلدار بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ ئىككى جەھەتتىن تىلغا ئېلىنغان:

بىرىنچىدىن، ئەلچى دۆلەت تەسىرى ۋە دۆلەت بېگى ئابرويىنىڭ گەۋدىلەندۈرگۈچىسى.

يالئاۋاچ تەتۈك بولسا بىلگە ئۆدۈغ بەگ ئاسغى بولۇر ئاندا تۈتنۈر بودۇغ [چېچەن بولسا ئەلچى ئالىم ۋە ھوشيار، بولۇر بەگكە نەپ، ئۇندا قارشى ئېلىنار.] يالئاۋاچ ياۋۇز بولسا قۇچاق قۇژى سەزىكسىز تۆكەر ئاندا بەگلەر سۇژى [گەر ئەلچى بولسا بوش، تۇراقسىز، يامان، تۆكەر بەگ ئابرويىن ئاندا بىگۇمان①.]

ئىككىنچىدىن، ئەلچى خەلقلەر دوستلۇقى، ئالاقىسىنىڭ تۈزگۈچىسى.

يالئاۋاچتىن ئەتۈلۈر تۈرلۈگ ئىش يالئاۋاچتىن ئۆترۈكەلۈر كۆركلۈگ② ئىش

① «قۇتادغۇبىلىك»، 2638 _ 2639 _ بېيىتلار. ② كۆركلۈگ _ گۈزەللىك، كۆركەملىكنى كۆرسىتىدۇ. 2599 _ بېيىت.

313-بەت

[بۇ ئەلچى بىلەن كۆپ ئىشلار قىلىنۇر، كۆپ گۈزەل ئىشلار ھەم ئەلچىدىن كېلۇر.] ئەلىگ① سۇنسا ئېردەم بىلە ئەر تەگىپ ئۇلۇغ تاغ بېشىنى يەرگە ئىلدۈرۈر ئەگىپ [ئەگەر خان پەزىلەت بىلەن قول سۇنار، ئۇلۇغ تاغ ئېگىپ بېشىنى يەرگە قويار.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ خاقان تەرىپىدىن تاللىنىدىغان ئەلچىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل - پاراسەت، غەيرەت - جاسارەت، تىل ۋە ناتىقلىق ماھارىتى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇشى، نەپسى ۋە خاھىشىنى چېكلىيەلىشى، تۈرلۈك بىلىملەر، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، جۈملىدىن شېئىرىيەت، ھەتتا شاھمات ئويناش ۋە ئوقيا ئېتىش، چېۋەگەن توپ ئويناش جەھەتتە ئۈستۈن بولۇشى، قەددى - قامىتى كۆرۈمسىز بولماسلىقى قاتارلىق شەرتلەر توغرىسىدا كەڭ توختىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاچكۆز، نەپسىنىيەتچى، تەمەخور، ھاراقخۇمار ئادەملەر بۇ ۋەزىپىلەردە خىزمەتكە زادى يارىمايدۇ، ئۇلار سىرلارنى ئاشكارىلاپ، ساتقۇنلۇق ۋە پەسكەشلىك قىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىملىك ۋە سۆز تاكتىكىسىغا ماھىر بولۇش توغرىسىدا ئالاھىدە توختالغان. ئۇ داستاننىڭ 2600، 2601، 2629، 2631، 2636، 2642، 2648، 2660، 2661، 2662، 2665، 2666 - بېيىتلىرىدا ئەلچىلىك مەنلىك، سىلىق، شېرىن سۆز بىلەن بولىدىغان ھەم دوستانە، ھەم جەڭگىۋار پائالىيەت ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك ئەلچى سۆزنى ئاڭلاش، چۈشىنىش، ئەستە ساقلاش، سىر قىلىپ ساقلاشتىن، سۆزلەش، ھازىر جاۋاب بولۇش، ھەرخىل تىلدا سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش جەھەتتە ماھىر ھەم چاققان بولۇشنى تەلەپ

① ئەلىگ — خاننى كۆرسىتىدۇ. 2647 - بېيىت.

314-بەت

قىلىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇ داستاننىڭ 2666 - بېيىتىدا مۇنداق يازىدۇ:

يالاۋاج ئىشى كۆر نەچچە سۆز بولۇر سۆزى ياخشى بولسا تىلەكىن بولۇر [بۇ ئەلچى ئىشنىڭ كۆپى سۆز بولۇر، سۆزى ياخشى بولسا تىلەكىن تاپۇر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەلچىلىككە خانلىق نەسەبىگە يېراقلىقى ياكى خان جەمەتىدىنلىكىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بەلگىلىشى لازىم، دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ داستاننىڭ 2667 - بېيىتىدا مۇنداق يازىدۇ:

بۇ ياڭلىغ كىشى بولسا ئەلىگ قۇتى ئاڭار بەرسە بولغاي يالاۋاج ئاتى [مۇشۇنداق كىشىدۇر ئېلىمنىڭ بەختى، ئاڭا بەرسە بولۇر ئەلچى خىزمىتى.]

«قۇتادغۇبىلىك»تە دوستلۇق ۋە تاشقى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر جەھەتتە ساختىپەزلىك، ھىيلىگەرلىك ۋە يوشۇرۇن پىتنە - ئىغۋا، سوئيىقەست ئىشلىتىش يوللىرى سۆزلەنمىگەن، ئەكسىچە، ھەقىقىي خەلقئارالىق ئىناقلىق ۋە زىددىيەتلەرنى ئاقلانە، ئوچۇق - يورۇق مۇناسىۋەت بىلەن ھەل قىلىش يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مانا بۇ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىغا شۆھرەت ۋە نۇر بېغىشلىغان.

6 . «قۇتادغۇبىلىك»تە ھەربىي ئىشلار ھەققىدە

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەينى زامان شارائىتىغا يارىشا بىر قەدەر كېڭەش سۆھبەت بىلەن ھەربىي قۇرۇلۇش ۋە ئۇرۇش

315-بەت

تاکتیکىسى مەسىلىلىرى سۆزلەنگەن. بۇ مۇھىمى ھەربىي خىزمەتنىڭ مۇھىملىقى، ھەربىي سەركەردىنىڭ لاياقەتلىك شەرتلىرى، قوشۇندىكى سىياسىي خىزمەت، ئەسكىرىي جاسارەت، قوشۇننى خىل ۋە ئىخچام قىلىش، ھەربىي ھازىرلىق، بارگاھ تاللاش، رازۋېدكا، ھەربىي ھىيلە، بۆکتۈرمە، سەپ تۈزۈش، ھۇجۇم، قانلىق جەڭ، ئۆلۈم ئالدىدىكى پىداكارلىق، تېز جەڭ، قوغلاپ زەربە بېرىش، چېكىنىش، سۇلھى، ئۆلگەن ۋە زەخمىلەنگەن ئەسكەرلەر مەسىلىسى، ھەربىي تەمىنات ۋە مۇكاپات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر مۇئەللىپ تەرىپىدىن ھەربىي ئالىم سۈپىتىدە ئىزاھلانغان ۋە شائىرانە جانلىق ئوخشىتىشلار بىلەن تەسىۋىرلەنگەن.

شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ نوقۇل ھەربىيچىلىك، كۈچ كۆرسىتىش قاراشلىرىغا زىت ھالدا، ئىزچىل تۈردە مەملىكەتنى ئادىل سىياسەت بىلەن باشقۇرۇشنى، «قەلەم» نى «ئەلەم» نىڭ ئالدىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ داستاننىڭ 2015 -، 2426 -، 2427 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئىككى نەڭ تۇرۇر ئەلكە باغى بەكى بىرى ساقلىق ئول بىر تۆرۈ ئەل كۆكى [ئىككى نەرسە ئەلگە باغ، ئاچقۇچ ئۆزى: ھوشيارلىق ۋە قانۇن - ئەلنىڭ يىلتىزى.] قىلىچ بىرلە ئالسا بولۇر تۆرۈك ئەلنىگ قەلەم بولمىغىنچا باسۇماز ئەلنىگ [بولۇر تېز قىلىچ بىرلە يۇرت ئالغىلى، قەلەمسىز مۇمكىن ئولماس ئەل تۇتقىلى.] قىلىچ بىرلە ئالسا قايۇ ئەل كۆچۈن ئانى سۆرسە بولماز ئۆكۈش يىل ئۈچۈن

316-بەت

[ يۇرت ئالماق مۇمكىندۇر قىلىچ - كۈچ بىلەن، سوراپ بولماس ئۇنى كۆپ يىل كۈچ بىلەن. ]

يەنە شۇنىمۇ ئىزاھلاش ھاجەتكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىزچىل تۈردە ھەربىي خىزمەتنى خەلق ئىگىلىكىگە، يەنى دۆلەتنىڭ كۈچىيىپ، خەلقنىڭ پاراۋان بولۇشى ئاساسىغا قۇرۇپ ئىزاھلىغان. بۇ داستاننىڭ 2057- ، 2058- بېيىتلىرىدا مۇنداق تەۋسىيە قىلىنغان:

بۇ ئەل تۇتۇشقا كۆپ ئەر ئات سۇ كېرەك، ئەر ئات تۇتۇشقا نەق تاۋار تۇ كېرەك. [تۇتۇشقا ئەل لەشكەر، ئات ھەم ئەر كېرەك، ئەر، ئات تۇتقىلى تولا ماللار كېرەك.] بۇ نەق ئالغۇ قا بىر كېرەك باي بودۇن، بودۇن بايلىقىغا تۆرۈ تۈز قودۇن. [بۇ مال يىغىشلى بىر باي خەلق كېرەك، بېيىسۇن ئەل دېسەڭ تۈز قانۇن كېرەك.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەربىي ئىلىم توغرىسىدىكى تەلىماتى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك كۆچمەن جەڭگىۋار ھاياتى، ھەربىي سەپەرۋەرلىك تەجرىبىلىرى، بالبال ۋە مەڭگۈ تاشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن جەڭ قەھرىمانلىرىنىڭ كۈرەش يەكۈنلىرى، ئەينى زاماندىكى قاراخانىيلار ۋە باشقا ئەللەرنىڭ قوراللىنىش ۋە جەڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا يۈرۈشۈپ تۇرغان تاكتىكىلىق نەتىجىلىرى ھەم بۇغراخانلارنىڭ كۈرەش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ئىخچاملانغان.

گەرچە «قۇتادغۇبىلىك» سەھىپىلىرىدە ئەينى زامان

317-بەت

خاقانىيە قوراللىق كۈچلىرى، جەڭ ئەسلىھەلىرى، ھەربىي دەرىجە سىستېمىسى، ھەربىي مەمۇرىي ۋە ھەربىي مالىيە ئاپپاراتلار توغرىسىدا بەزىبىر ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولسىمۇ، مۇئەلىپ ئۆز ئەسىرىنى بۇ نۇقتىغا ئەمەس، بەلكى ھەممە خەلقلەرگە ئورتاق بولغان ھەربىي ئىلىم — ھەربىي ئىشلار پەلسەپىسىگە، باشقىچە ئېيتقاندا «ھەربىي دىئالېكتىكا»غا قاراتقاندى. گەرچە ھازىرقى ھەربىي خىزمەت ۋە جەڭ تاكتىكىلىرى غايەت زور ئۆزگىرىشكە يولۇققان بولسىمۇ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھەربىي ئىشلار توغرىسىدىكى تۈپلۈك، ماھىيەتلىك، قانۇنىيەتلىك قاراشلىرى ئۆز قىممىتىنى ھېلىمۇ يوقاتقىنى يوق.

ئۇ داستاننىڭ 3039 - ، 3045 - ، 3043 - ، 3005 - ، 3006 - بېيىتلىرىدا ھەربىي خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى مۇنداق شەرھلەيدۇ:

ئادىن ئىككى نەڭ ئول بۇ ئەمەل تۈترۈكى بىرىسى ساۋ ئالتۇن قىلىچ بىر تاقى [ئىككى نەرسە دۆلەت تۇتۇش يولىدۇر، بىرىدۇر ساپ ئالتۇن، بىرى تىغ ئۆتكۈر.] قىلىچ قايدا ئەرسە كۈمۈش ئاندا ئول كۈمۈش قايدا ئەرسە قىلىچ تۈتتى يول [قىلىچ نەدە بولسا كۈمۈش شۇندا ئول، كۈمۈش نەدە بولسا قىلىچ تۈتتى يول.] بۇ ئىككى بىلە ئەتكۈ ئوشبۇ ئەلىگ بۇ ئىككى بىلە ئەردەۋۈر ئاي ئەلىگ [بۇ ئىككى بىلەن ئەمەل تۈزۈلۈر ھامان، بۇ ئىككى بىلەن ئەردۇر چوغىيۇر، ئەي خان.] ئەردات بولدى بەگلەر قاناتى يۈگى قاناتسىز قۇش ئۇچماز ئاي بەگلەر بەگى.

318-بەت

[ قوشۇندۇر بۇ بەگلەر قانات - قۇيرۇقى، قاناتسىز قۇش ئۇچماس، ئەي بەگلەر بېگى. ] ئەترەت بىرلە بەگلەر كۈچىن بەلگۈرەر ئەترەت بىرلە بەگلەر تۈگۈنلەر يۈرەر [ قوشۇن بىرلە بەگلەر كۈچى بىلىنەر، قوشۇن بىرلە بەگلەر تۈگۈنلەر يېشەر. ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوشۇننىڭ مۇھىملىقىنى دۆلەتنىڭ نېگىزلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە روشەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ھەربىي سەرگەردىلەر («سۇ بېشى») دىن ئەقىل - پاراسەت بىلەن غەيرەت - جاسارەتنى بىرلەشتۈرۈشنى، ئالدى بىلەن ئەقىل - پاراسەتلىك بولۇپ سىياسەت بىلەن ھەربىي ئىشلارنى بىلىشنى، ئاندىن غەيرەت - جاسارەتلىك بولۇپ چوقۇم غەلىبە قازىنىدىغان سۈپەتكە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەركى، مۇئەللىپ ھەربىي قومانداننىڭ جەڭگىۋار ئوبرازىنى سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ھەر خىل ھايۋانلاردىكى خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئوخشىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق تۇرمۇشى دەۋرىدىكى فولكلور تەسۋىرىي تىمساللىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ ھەربىي سەركەردە سېغىزخاندەك سەگەك، ھۇقۇشتەك ئويغاق، قوزغۇندەك يىراقنى كۆرەر، قىزىل تۈلكىدەك ھىلىگەر، بۆرىدەك كۈچلۈك، ئېيىقتەك دەھشەتلىك، بۇغرا تۆگىدەك قىساسكار، قوتازدەك ئۆچ ئالغۇچى، توڭگۇزدەك تەرسا، قاپلاندەك بىلىكى كۈچلۈك، ئارسلاندەك غەيرەتلىك بولۇشى لازىم، دەيدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوشۇندىكى سىياسىي خىزمەت توغرىسىدا داستاننىڭ 2300 -، 2301 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

319-بەت

سىياسەت يورۇتغۇ كېرەك سۇ بېشى سىياسەتكا ئاشلىغ بولۇر سۇ ئىشى [سىياسەت يورۇتسۇن قوشۇننىڭ بېشى، سىياسەتكە باغلىق قوشۇننىڭ ئىشى.] سىياسەت يورۇتسا سۇ باشلىغ بولۇر سۇسى باشلىغ ئەرسه ئەر ئاشلىغ بولۇر [سىياسەتلە قالماس قوشۇن باشچىسىز، باش بولسا، ئويۇشقاي قوشۇن شۈبھىسىز.]

داستاننىڭ 2332- ، 2339 -، 2340 - بېيىتلىرىدا قوشۇننى خىل ۋە ئىخچام قىلىش يولىنى مۇنداق كۆرسىتىدۇ:

ئۈكۈش ئەر كېرەكسىز ئەر ئۆدرۈم كېرەك ئەر ئۆدرۈم بولۇنسا تۇلۇم تۇم كېرەك [كۆپ ئەسكەر كېرەكسىز، ئەسكەر خىل كېرەك، ئەسكەرگە خىللانغان خىل قورال كېرەك.] ئۈكۈش سۆتلىمە ئەر ئۆدرۈم تىلە ئەر ئۆدرۈم تىلە ھەم تۇلۇم تۇم بىلە [قوشۇننى كۆپەيتمەي، قىل ئەلەرنى خىل، يىگىتلەر بىلەن تەڭ قورال سەمەرە قىل.] ئەتەكلگ ئاز ئەدگۈ ئۆكۈشتە كۆرۈ تەلىم تۈشتى ئارتاق ئۈكۈش سۇ بىلە [كۆپتىن ئىزى خوپ، بولسا مۇنتىزىم، يىغىلگەن سانى كۆپ قوشۇن كۆپ قىتەم.]

داستاننىڭ 2345 - ، 2347 - ، 2349 - بېيىتلىرى يەر تاللاش، قارارگاھ ( «ئوتاغ» ) بېكىتىش ۋە ئۇنى ھوشيارلىق بىلەن مۇھاپىزەت قىلىشقا قارىتىلغان بولسا، داستاننىڭ 2327 -، 2355 - ، 2356 - ، 2357 - بېيىتلىرىدا ھەربىي ھىيلە ۋە

320-بەت

پىلاننىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ھىلىسى بىلەن دۈشمەننى يېڭىش سۆزلەنگەن. داستاننىڭ 2342-، 2343-، 2350-، 2351-بېيىتلىرىدا چارلىغۇچى (رازۋېتکا - «يەزەك - تۇتغاق») قىسىملار خىزمىتى، ئۇلارنىڭ دۈشمەندىن ئەسر ئېلىش («تۇتغۇن»، «تىل ئالماق»، «ئەر تۇتماق») ئارقىلىق دۈشمەن سىرنى ئىگىلىشى، ئۆزى «تىل» بەرمەسلىككە ھوشيار بولۇشى سۆزلەنسە، داستاننىڭ 2370-بېيىتىدا بىر قىسىم قوشۇننى بۈكتۈرمە («پۇسۇغ») قىلىپ، بىر قىسىم پىيادە ئاتقۇچىلار («ياداغ ئوقچى») نى دۈشمەن ئالدىغا ئەۋەتىش توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ.

داستاندا ھۇجۇمغا ھازىرلىنىش، قوشۇننى تېز قوزغىتىش، سەپ تۈزۈش، ھۇجۇمنى يىراقتىن ئوق ياغدۇرۇشتىن باشلاپ، يېقىنلاشقاندا قىلىچ، نەيزە ۋە پالتا بىلەن جەڭ قىلىش، تېز ئۇرۇشۇپ - تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ھەققىدە ھەربىي دېسپلىنتىكىغا ئۇيغۇن بىر قاتار كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىممەتلىك شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۈشمەننى ھەر قاچان ئاجىز سانىماسلىق، ئۇ تاياق تۇتسا، ئۇنىڭدىن تۆمۈر قالقان بىلەن مۇداپىئە كۆرۈشكە ھازىرلىنىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىئىنەزەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ داستاننىڭ 4263-بېيىتىدا مۇنداق يازغان:

سناما ياغىغ سەن بەدۈك بىل ئۇلۇغ تاياقلىق ياغىقا تۆمۈر قالقان ئەت [كەمسىتمە دۈشمەننى، زور ۋە بۈيۈك بىل، تاياق تۇتسا، تۆمۈر بىرلە قالقان قىل.]

بۇ داستاندا ئەسكىرىي جاسارەت، قانلىق جەڭدىكى ئۆلۈمدىن قورقماس پىداكارلىقنى تولىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ

321-بەت

تەكىتلەنگەن. داستاننىڭ 2378 -، 2391 - بېيىتلىرىدا:

تەرەن ئارقا بەرمە ياغىقا بولۇپ ياغىغ سانچ يوق ئەرسە تۇرۇش يات ئۆلۈپ [چىدا، ياغۇغا ئارقاڭنى بەرمە تۇتۇپ، يوقات ياغۇ، ياكى يات ئۇرۇشۇپ ئۆلۈپ.] مۆڭۈقسا ياغى يۈز ئۆلۈمگە تۇرۇر ئۆلۈمكە يۈز تۇرسا كىم ئۆترۈ تۇرۇر [ياغۇ ئۇلسا ئۈمىدسىز ئۆلۈمگە يۈرۈر، ئۆلۈمدىن قورقمىغانغا كىم تەڭ كېلۇر.]

دېسە، 2380 - بېيىتىدا قەھرىمان ئۈچۈن جەڭ بەئەينى بىر توي مەركىسى ھېسابلانمىشى كېرەك، دەپ مۇنداق يازىدۇ:

كەلەن قىز سەۋۈنچى كۆدە ن تۈنلىرى كۆر ئالىپ ئەر كۆۋۈنچى چەرىك كۈنلىرى [كېلىن قىز سۆيۈنچى نىكاھ - توي تۈنى، باتۇرنىڭ سۆيۈنچى جەڭ قىلغان كۈنى.]

داستاننىڭ 2388 -، 2389 -، 2390 -، 2395 - بېيىتلىرىدا چېكىنگەن دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىش، يېتەرلىك ئەسىر ئېلىش، قوغلاپ زەربە بېرىشتە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىستېھكامى ۋە ياردەمچى (« يارى باسۇت ») كۈچلىرىدىن تولىمۇ يىراقلاب دۈشمەننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىق، دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىشتە قوشۇننى چېچىۋەتمەسلىك ھەققىدە توختالغان. داستاننىڭ 2359 -، 2360 -، 2361 - بېيىتلىرىدا كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندە ياكى سۈلھى (« ياراشقۇ ») قىلىش، ياكى دەرھال جەڭگە كىرمەي چېكىنىش ۋە ياكى ھىلە ئىشلىتىپ كېچىدە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە

322-بەت

سۆزلەنگەن. ئۇ 2361 - بېيتىدا مۇنداق دەيدۇ:

قاتىغلان ئۇساندۇر ئوسا باس كەچە كەچە ئاز ئۇكۇشۇگ نە بىلگەي ئاچا [تىرىش، غەپلەتتە قوي، كېچە قىل ھوجۇم،] [كېچىدە كۆپ - ئازلىق بىلىنمەس چوقۇم.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا جەڭدە ئۆلگەن، مېيىپ ۋە ياردار بولغان ئەسكەرلەر مەسىلىسى بىلەن ھەربىي تەمىنات ۋە مۇكاپات مەسىلىسى ئۈستىدە كۆرۈنەرلىك توختالغان. ئۇ ياردار - مېيىپلارنى داۋالاش، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش، ئۆلگەنلەرنىڭ شۆھرىتىنى كۆتۈرۈپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھەققىنى بېرىش، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە دەل ۋاقتىدا مۇكاپات («تاغۇق») بېرىشنى قوشۇن تۇتۇش، ئەسكەردە پىداكارانه روھ تىكلەشنىڭ مۇھىم شەرتى ۋە ئاساسىي كاپالىتى سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭچە، «شېرىن سۆز، كۆلەر يۈز، مال - مۇكاپات بېرىش»تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە جەڭچىلەرنىڭ رازىمەنلىكىنى ۋە خەلقنىڭ قوشۇنغا ئىشتىياقىنى قوزغايدىغان ئۈچ مۇھىم خىزمەت ئامىلى ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى.

«قۇتادغۇبىلىك»تە «ئىسم» (پارول)، «ياتغاق» (قارائۇل)، «يۇرتۇغ» («يورچۇق» يول باشلاپ ماڭغۇچى مۇھاپىزەت ئەترىتى)، «ياداق» (پىيادە قىسىم)، «ھايل» (ئاتلىق قىسىم)، «ئاي بېتىگى» (ئايلىق يوقلىما)، «تۇغچى» (بايراقچى ۋە ناغرا - سۇنايچى ئەترىتى)، «كەسكى» (مەرگەن)، «ئوقچى» (ئوقياچى قوشۇن)، «يارىق» (ساۋۇت) قاتارلىق ئەينى زامان ھەربىي خىزمىتىگە ئائىت كۆپلىگەن ئاتالمىلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىلىرى تەتقىقات

323-بەت

دەۋىرگە ئائىت تېكىستلەردىمۇ ئوخشاش مەنىدە تىلغا ئېلىنغان . شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىش زۆرۈركى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ زوراۋانلىق مەقسىتىدىكى ئۇرۇشقا قارشى تىنچلىق ۋە دوستانە ئىتتىپاقلىق تەشەببۇسلىرىنىڭ تەرغىباتچىسى بولغان .

7. قىسقىچە يەكۈن

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت قاراشلىرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي - سىياسىي قاراشلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىدىكى ئىلغار ئەنئەنىۋى قاراشلار، ئەينى زامان ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت قاراشلىرىنىڭ توپ چىقىش نۇقتىسى — خەلق ئاممىسى دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاساسى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىنى بەلگىلەيدىغان پىشاك ھەم دۆلەت باشلىقنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىگە باھا بېرىدىغان مىزان دېگەن راتسىئونالىزم ۋە گۇمانىزملىق قاراشتۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى ئاقىل، ئادىل پادىشاھ باشقۇرغان دۆلەت مېخانىزمى دەپ قارىدى. ئۇنىڭچە، ھەممە ئادەم، بولۇپمۇ خان ۋە ئەمەلدارلار ئۆزى تۇتۇپ تۇرغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت قورالىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن خەلققە بەخت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن «قۇت»، «سەلتەنەت» ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ ئۆزىنى بولغۇماسلىققا ئاگاھ بولۇشى لازىم.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى خەلق مەنپەئىتى، خەلق قۇتى

324-بەت

ئاساسىغا قۇرۇشتىن باشقا چىقىش يول يوق، دەپ قارىدى. شۇڭا ئىشەنچلىك تەلەپپۇزدا ئىزچىل يوسۇندا بۇ «قۇت» قانۇنىيەتلىرى ئارقىلىق دۆلەت باشلىقىنى مەرتىۋىلەندۈرۈپ كەلدى. ئۇ ماختىغاندا ياكى سۆككەندە مۇشۇ تۈپكى ھالقىنى چىڭ تۇتتى، ئونى گەۋدىلەندۈردى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دىپلوماتىيە، خەلقلەر دوستلۇقى ۋە «قەلەم»، «ئالەم» مەسىلىلىرىگىمۇ ئالەم تەرتىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە ئاقىلانىلىقتا ئىپادىلەنگەن چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك پرىنسىپلىرىنى، ئادىللىق ۋە خەلقلەر ھەمكارلىق پرىنسىپلىرىنى يېتەكچى قىلدى. ئونىڭچە «قەلەم»، «تىل» ئارقىلىقلا ئاقىلانىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇمكىن ئىدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، خان ۋە ئوردىدا مەنسەپلەرنى كېلىپ چىقىش جەھەتتىن يەنىلا «يۇقىرى نەسەبتىن چىققان» بولۇشى لازىم، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق يۇقىرى تەبىقىدىن چىققان كىشىلەرنى «ئەسلى زات»، مۇنداق بولمىغانلارنى قوپال ۋە تۆۋەن «قارا بودۇن» دەپ ئاتىغان. ئۇ دىنىي ۋە يېڭى پلاتونىزملىق ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىدە، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ سىنىپىي بىر تەرەپلىملىك كۆز قاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە قانداقتۇر «تەڭرى ئادەم بالىلىرىنى ياراتقاندا، ئۇلۇغ كىشىلەرنىمۇ، ئاددىي خەلقنىمۇ ياراتقان»، «ئونىڭ بايلىرى ۋە كەمتەڭلىرى بار، ئەقىللىق ۋە دۆتلىرىمۇ بار»، «ئۇلارنى باشقۇرغۇچى پاداشاھ تۇغۇلۇشىدىنلا ئۇلاردىن پەرقلىق» دەيدىغان فېئودال قاندىداشلىق كۆز قارىشىغا يول قويۇپ، سىنىپىي پەرقلەرنى مەڭگۈلۈك ھادىسە سۈپىتىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئونىڭ رەتسىئونالىزملىق ۋە گۇمانىزملىق كۆز قاراشلىرى مۇھىمى فېئوداللىق شەھەر سودا - تىجارەتچىلەر تەبىقىسىنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ

325-بەت

سىياسىي جەھەتتە كونا كۆچمەنچى قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن كونا زىمىندار ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىنىڭ ھاكىممۇتلەق كۆزقاراشلىرىغا قارشى شەھەر سودا - تىجارەتچىلەر تەبىقىسىنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، گەرچە خانلىق سەلتەنىتىدىن باشقا مەئمۇرلارغا قابىلىيەتلىكلەرنى قويۇش ۋە خانلىق نەسەبىدىكى مەئمۇرلارمۇ ئەقىللىق - بىلىملىك، ئادالەتلىك، ئەخلاقلىق ۋە قابىل بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئۇ تېخى جەمئىيەتنىڭ سىنىپىي تۈزۈلمىسىنى، دۆلەتنىڭ سىنىپىي ماھىيىتىنى، سىنىپىي جەھەتتە ئادالەت، ئەخلاق كاتېگورىيىلىرىنىڭ سىنىپىي خاراكتېر ئالغانلىقىنى، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلارنىڭ سىنىپىي تۈسىنى چۈشەنمەيتتى. بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپقا خاس يېتەرسىزلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.

326-بەت

VI باب «قۇتادغۇبىلىك»تە قانۇنشۇناسلىق مەسىلىلىرى

«ئەسلىدىن ئادىلدۇر گۈمبەزى ساما، ھەرنە قىلغىنىڭنى قايتۇرار ساڭا.» — خۇسراۋ دېھلەۋى

1. «قۇتادغۇبىلىك»تە قانۇنشۇناسلىق مەسىلىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى

بىباھا تەپەككۇر خەزىنىسى — «قۇتادغۇبىلىك» جاۋاھىراتلىرى ئىچىدە مۇتەپەككۇر مۇئەللىپنىڭ قانۇنشۇناسلىق قاراشلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يەنە بىر بايلىق ھېسابلىنىدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ قانۇنشۇناسلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئەسەردىكى تېماتىك ئورنىنىڭ كاتتىلىقى، ھەجىمىنىڭ زورلۇقى، پىكىر كۈچىنىڭ ئورگىناللىقىغا قاراپ «قۇتادغۇبىلىك»نى قانۇن پەلسەپىسى دەستۇرى، سىياسىي سەلتەنەت قوللانمىسى دېگەنلىرى ئاساسسىز ئەمەس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يالغۇز ئۆزىنىڭ «خاس ھاجىپ»، «ئۇلۇغ خاس ھاجىپ»لىق ۋەزىپىسى تۈپەيلى دەۋا — دەستۇر ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان خاننىڭ بىۋاستە تەپتىش ۋەكىلى خىزمىتى نۇقتىسىدىن①

① داستاننىڭ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ لىياقىتى توغرىسىدىكى 31 — بابغا قارالسۇن.

327-بەت

ئەمەس ، بەلكى خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش توغرىسىدىكى سىستېمىلىق جەمئىيەت پەلسەپىسى قاراشلىرى نۇقتىسىدىنمۇ قانۇنشۇناسلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان .

« قۇتادغۇبىلىك » ئوتتۇرا ئەسىر قانۇن ئىدىيىلىرى تارىخىدىكى ئالەمشۇمۇل كاتتا دەستۇرلارنىڭ بىرى بولۇشقا مۇناسىپ . ئۇ دۆلەت بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشتا ، خەلق ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىشتا ، ئەقىل - بىلىم بىلەن ئىجتىمائىي بەختنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى ئاساسلىق تۇتاشتۇرغۇچى ، تەڭشىگۈچى ۋاستە قىلىپ كۆرسەتتى . ئادالەتلىك قانۇن بولمىغاندا دۆلەتنىڭ كۆچۈپ ، خەلقنىڭ پاراۋانلىققا ئىگە بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادالەتلىك قانۇننى جەمئىيەت زىددىيەتلىرىنى گارمونىيەلەشتۈرىدىغان ئەڭ ئالىي ئەقىل ، ئەڭ ئالىي بىلىم ، ئەڭ ئالىي خىزمەت دەپ قارىدى . ئۇ ئەينى زامان ھاكىممۇتلاقلىقى ئادەتلىرىگە كېسكىن قارشى چىقىپ ، ئادالەتلىك قانۇننى پادىشاھ ئىىرادىسىدىن ئايرىپ ، خەلق مەنپەئىتى ئاساسىغا قويدى . ئۇ ئەينى زامان دىنىي ئەسەبىيلىكى ئادەتلىرىگە كېسكىن قارشى چىقىپ ، ئادالەتلىك قانۇننى سەئىدلەر ۋە دىندارلار ئىىرادىسىدىن ئايرىپ ، خەلق مەنپەئىتى ئاساسىغا قويدى . ئۇ قانۇن نوپۇزىنى خان نوپۇزىنىڭ ئۈستىگە ، قانۇن مەنپەئىتىنى ئىستىقامەت ساۋابى ( « تاپۇغ » ) مەنپەئىتى ئۈستىگە قويدى . بىر قاتار ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتلىك قانۇنشۇناسلىق تەلىمات ئۈنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .

« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىلىرى راتسىئونالىزم ۋە گۇمانىزملىق « قانۇنشۇناسلىق پەلسەپىسى » خاراكتېرىدە بولۇپ ، ھالقىلىق ، پروگراممىلىق قىممەتكە ئىگە

328-بەت

ئېدى. ئۇ بىر قاتار دۆلەت قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، خەلق ئىشلىرى قانۇنى، مالىيە - ئىقتىساد قانۇنى، ئائىلە - نىكاھ قانۇنى، ھەرخىل كەسىپ - ساھەلەرگە خاس سىياسەت ۋە قانۇن تەلەپلىرىگە ئائىت نۇرغۇن مۇھاكىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىلىرىدە، ئەينى زامان ئىسلام قانۇنچىلىقى (ئىلمۇل فىقھ) ياكى ھىندىستان، ئىران، گرىك قانۇنشۇناسلىق قاراشلىرىغا قارىغاندا ئۆزگىچىلىكلىرى روشەن بولغان ئەنئەنىۋى يايلاق دېموكراتىيىسى «كۆنى» (ئادالەت)، «تۆرۈ» (قانۇن)، «ئەركىنلىك» (ھۆرۈلۈك)، «تۈزۈن» (ياخشىلىق) ئالامەتلىرى گەۋدىلىك كۆزگە چېلىقىدۇ.

مەلۇمكى، ئادالەتلىك قانۇن تەڭرىنىڭ قانۇنىيىتى، ئىراسى سۈپىتىدە «تۆرۈ قۇتى» شەكلىدە ئاسماننى زېمىنغا، زېمىننى ئاسمانغا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تۆۋرۈك، دېگەن قاراش ئەنئەنىۋى تۈس ئالغانىدى. «قۇت تەڭرىدىن» كېلىدۇ، «ئىتتىقۇت تەڭرىگە» جاۋابكار دېگەن قاراشلار دىنىي راھىبلار، ھەربىي سەركەردىلەر، سىياسىي ھاكىملارغا چەكسىز ھوقۇق بەرمەيتتى. ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ فېئوداللىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىكى ھاكىممۇتلاقلىقتىن ئۆزەلىكىنى سېزىپ قالدى ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇردى.

«كۈلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دا: «بېگلىرى يىمە بودۇنى يىمە تۈز ئېرمىش» (بەگلىرى بىلەن خەلقى سادىق ئىدى) دېيىلسە، «تۇرپان تېكىستلىرى» دە: «ئېل باشلاغۇ تۆرۈسۈن تۇتۇنۇرسىزلار ئېتۈ» (ئەل باشقۇرۇشقا قانۇن - نىزام تۈزمەك لازىم)، «ئېپسىز قىلماغۇ ھەم تۆرۈ ئۇرماغۇ» (يامانلىق قىلما ھەم قانۇننى بۇزما)، «ئول يىمە ئېلىگ بەگ يارلىقانچۇچى كۆڭۈللۈك توقۇلۇغ ئېرىب» (ئۇ ئېلىگ بەك ئاق كۆڭۈل ۋە ئادالەتچى ئىدى) دېيىلگەن. «ئالتۇن يارۇغ» دا سەگقۇ سەللى

329-بەت

تۈتۈك مۇنداق يازغانىدى: «بودۇن قارا باي مېڭلىگ كۈنى تۆرۈچە ئېبۆرلىتەچى بولغاي» (كەڭ خەلق باي ۋە بەختلىكتۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا ئادالەتلىك قانۇن يەتكۈزدى).

روشەنكى، قانۇنشۇناسلىق تەلىماتلار تارىخى ھىندىستاننىڭ «مانۇ قانۇنى» [4]، ئىراننىڭ «خاممۇراپى قانۇنى» [5]، گرىكلارنىڭ «سولون قانۇنى» [6]دىن باشقا، جۇڭگو ۋە مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى يايلاق - بوستانلىق جەمئىيىتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئېڭى تارىخىنىمۇ تەتقىق قىلىشى لازىم. «قۇتادغۇبىلىك» بۇ جەھەتتىكى مۇھىم بىر مەنبە، ئەلۋەتتە.

«قۇتادغۇبىلىك» ئەنئەنىۋى ئادالەتلىك قانۇن قاراشلىرىنى «ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكى» قاتارلىق بىر قاتار ئاجايىپ نۇرانە ۋە ئۆز زامانىسدىن ھالقىغان مۇنەۋۋەر قاراشلار بىلەن يورۇتۇپ بەردى.

2. «قۇتادغۇبىلىك»تە دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ھەققىدە

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ①، خانلىق سەلتەنىتىنى قانۇن رىياسەتچىلىكى ئاساسىدا گەۋدىلەندۈرۈش ئىدىيىسى سىياسىي تەلىماتلار تارىخىدا كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا «تۆرۈ» (قانۇن) ئىبارىسىنى 140 نەچچە قېتىم تىلغا ئالغان، قانۇن بولغاندا ھەممە ئىشنىڭ يولى ئېچىلىدۇ، «تۆرۈ بولسا قۇت بولار» دېگەندەك ئەنئەنىۋى قاراشلارنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. قانۇن

① «ئالتۇن يارۇغ»دا: قانۇن بىلەن باشقۇرۇش «تۆرۈن تۇتمىش»، باشقۇرۇشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن «تۈتۈغلۇق تۆرۈسۈن» دېيىلگەن.

330-بەت

كاتېگورىيىسىنى «ئادالەت» (كۈنى) ۋە «ياخشىلىق» (ئىزگۈ، تۈزۈن)، قۇت كاتېگورىيىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپتا رايىشچىلارنىڭ «مېھرىبانلىق» ئىدىيىسى بىلەن قانۇنچىلارنىڭ «قانۇندا باشقۇرۇش» ئىدىيىسىنىڭ زىددىيەتتە ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈنلۈكتە تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.

مۇتەپەككۇر ئۆزىنىڭ بۇ بۈيۈك داستانىدا ئادالەتلىك قانۇن كاتېگورىيىسىنى ئوتتۇرا ئەسىر ئىدېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ غولى ھېسابلانغان تەڭرى كاتېگورىيىسى بىلەن بىرلىك، ھەتتا ئەسلى قىممەتتە تەڭداشلىق نوپۇزلۇق ئورۇنغا قويۇپ، ئادالەتلىك قانۇننىڭ ئەھمىيىتىنى كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 3463 — بېيىتىدا مۇنداق يازىدۇ:

بۇ كۆك تۈرگۈكى ئول كۆنىلىك تۆرۈ تۆرۈ ئارتاسا كۆك تۇرالماس تۆرۈ [ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۈۋرۈك ئېرۇر، بۇزۇلسا ئۇ قانۇن ئاسمان يىقىلۇر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 3465 — ، 3466 — بېيىتلىرىدا ئادالەتلىك قانۇننى گەۋدىلەندۈرگۈچى دۆلەت باشلىقىنى تەڭرى نوپۇزىغا يېقىنلاشتۇرۇپ بېشارەتلىك ئىبارىلەر بىلەن مۇنداق يازىدۇ:

كۈنى بەگ يۈزى كۆرسە قۇتلۇغ بولۇر مۇيىتقا تەگەر ھەم يازۇقى يولۇر [ئادىل بەگ يۈزىن كۆرسە، قۇتلۇق بولۇر، ساۋابىن تاپۇر ھەم گۇناھ يوقۇلۇر.] بىلىرسەن بۇ كۈن مەن كىشى بولدۇقۇم سەۋەب ئەلگ ئەردى يۆلەكسەم توققۇم

331-بەت

[ ئادەم بولغىنىمغا، بىلىسەڭ، بۇ زامانسەۋەبچى، يۆلەكچى ماڭا بولدى خان. ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇننىڭ مىسلىسىز ئەھمىيىتىنى ئۇلۇغلىغاندىن كېيىن، پەقەت دانىشمەن ھۆكۈمرانلارلا ئادالەتلىك قانۇن تۈزۈپ، جەمئىيەتنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ داستانىنىڭ 252 -، 1456 -، 1461 -، 2171 - بېيىتلىرىدا پەقەت ئەقىل ۋە بىلىمگە ئىگە بولغان يۇقىرى سەۋىيىلىك دۆلەت باشلىقلا ئادالەتلىك ۋە خەلققە مەنپەئەتلىك قانۇن تۈزەلەيدىغانلىقىنى مۇنداق بەدىئىي مىسرالار بىلەن بايان قىلىدۇ:

بىلىك كىمدە ئولسا ئوزۇن بەگلىرى تۆرۈ ئەدگۈ تۇرمىش كىشى يەگلىرى [ جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم ئىكەن، ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزۈپ، تۈرلەنگەن. ] ئەسسىز تۇغدى تۇرما تۆرۈ ئەدگۈ تۆر كۆنۈك① ئەدگۈ بولغاي قۇتۇك باغا قۇر [ يامان تۈزمە قانۇننى، بەك ياخشى تۈز، ئادىل، ياخشى بولسا، بەختىڭمۇ ئۆز. ] كىم ئولسا قۇرۇپ قودسا ئەدگۈ تۆرۈ ئانىڭ تىكتى ئاتىن ئاداقىن تۆرۈ [ كىم ئۇ ياخشى قانۇننى بەرپا قىلار، ئۇنىڭ شۆھرىتى تا ئەبەتكە ياشار. ] قامۇغ ئەردەمى بولسا ئەرەدە تۆرۈ بودۇنقا بەرۆر بولسا ئەدگۈ تۆرۈ [ پۈتۈن پەزىلەت بولسا ئەرەدە ئۈستۈن، بېرەلسۇن ئەلگە ئۇ ياخشى قانۇن. ]

① كۆنۈ - ئادىل، چىن مەنىسىدە.

332-بەت

داستاننىڭ 2130 - ، 2131 - بېيىتلىرىدىن تۈزۈلگەن رۇبائىيدا ئادالەتلىك قانۇن ئاساسىدىكى سىياسەتلىرىگە مۇنداق باھا بېرىلىدۇ:

بۇ بەگلەر قاپۇغىن سىياسەت بەزەر سىياسەت بىلە بەگ ئىلىنى تۈزەر ئەسىزگە سىياسەت يورۇتغۇ كېرەك بودۇن بولغانۇقسۇن سىياسەت سۆزەر [بۇ بەگلەر ئىشىكىن سىياسەت بېزەر، سىياسەت بىرلە بەگ ئېلىنى تۈزەر. يامانغا سىياسەت يورۇتماق كېرەك، بولغانسا خەلق گەر، سىياسەت سۆزەر.]

روشەنكى، مۇتەپەككۇر سىياسەتنى بىر خىل جەڭگىۋار ۋاسىتە سۈپىتىدە تەرىپلىگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدىكى ئاساسلىق مەسىلە سۈپىتىدە تەكىتلەپ، ئۇنى ئېغىز ياكى شەكىلدە كۆرسىتىدىغان «ئويۇن» غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي قارشى ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 2132 - ، 2133 - ، 2135 - بېيىتلىرىدا قانۇن بىلەن مالىيە - ئىقتىسادنى دۆلەتنىڭ ئىككى مۇھىم نېگىزى سۈپىتىدە مۇنداق تەرىپلىيىدۇ:

بۇ ئەل تۈتۈرۈقى ھەم تۈپى بەگلىكى ئىككى نەڭ تۈرۈر ئەسلى يىلتىز كۆكى [بۇ دۆلەت تۈۋرۈكى - ئۆلى، بەگلىكى، بۇ ئىككى نەرسىدۇر يىلتىزى - كۆكى:] بىرىسى بودۇنقا تۈرۈ ئول ئۈلۈش بىرىسى ئەر ئاتقا ئۈلسە كۈمۈش

333-بەت

[بىرى، خەلققە بەرمەك قانۇندىن ئۈلۈش، بىرى، خىزمەت ئەتكەنگە بەرمەك كۈمۈش.] بۇ ئىككى قۇتتۇ بولسا بەگدىن سەۋىنچ ئەلى قاپچى ئېتۈلۈر بولۇر بەگ ئۆزۈنچ [شۇ ئىككىسى بەگدىن خوش بولغان زامان، ئەل رەتكە چۈشۈپ، بەگ ئۆزۈنۈر شۇئان.]

«قۇتادغۇبىلىك»تە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش نوقۇل ھەربىي ھاكىممۇتلاقلىققا زىت ھالدا، «قەلەم» ۋە «ئەلەم»دىن ئىبارەت دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ئىككى ئاساسىي ھالقىسىنىڭ بىرى، ھەتتا ئاساسلىقى سۈپىتىدە كۈچەيتىلىپ ئىزاھلانغان. داستاننىڭ 2711 -، 2426 -، 2715 -، 2716 -، 2419 - بېيىتلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنداق يېزىلغان:

قىلىچ بىرلە تۈتلۈر قالى تۇتسا ئەل قەلەم بىرلە باسۇلۇر قالى باسسا ئەل [ئەل - يۇرتنى تۇتماقلىق قىلىچلىق بولۇر، ئۇ ئەلدە ھۆكۈملەر قەلەملە يۈرۈر.] قىلىچ بىرلە ئالسا بولۇر تەرك ئېلىگ قەلەم بولمىغىنچە باسۇماز ئەلىگ [بولۇر تېز قىلىچ بىرلە يۇرت ئالغىلى، قەلەمسىز مۇمكىن بولماس ئەل تۇتقىلى.] قىلىچ قان تامۇزسا بەگى ئەل ئالۇر قەلەمدە قارا تامسا ئالتۇن كەلۈر [قىلىچ قان تېمىتسا، بېگى ئەل ئالار، قەلەمدىن سىياھ تامسا، ئالتۇن يىغار.] بۇ ئىككى تۇرۇر بۇ ئۆزۈن تۇترۇقى ئۇزا كەچمىش ئىش ھەم كەلەر ئۆترۇقى [جاھان تۇۋرۈكىدۇر موشۇ ئىككىسى، مەيلى ئۆتمۈشتە، مەيلى كەلگۈسى.]

334-بەت

بۇ ئەل باغى ئۆركى بۇ ئىككى تۈزەر بۇ ئىككى بىرىكسە ئانى كىم ئۈزەر [بۇ ئىككىسى ئەلنى تەرتىپىن تۈزەر، بىرىكسە بۇ ئىككى ئونى كىم ئۈزەر.]

شۇ نەرسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلق مەنپەئەتى ۋە ئەقىل - بىلىم شەرتى ئاستىدا ئادالەتلىك قانۇن بىلەن خانلىق تۈزۈمنى بىرلەشتۈرگەن ھاكىمىيەت شەكىللىنىش، باشقىچە ئېيتقاندا، ئاساسى قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى [7] ھاكىمىيەت شەكىللىنىشنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى كۆرۈنەرلىك تەشەببۇسچىسى بولغانىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە مۆتەپەككۇرنىڭ ئادالەتلىك قانۇن ئارقىلىق خانلىق ھوقۇقنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت دېموكراتىك خاھىشىنىڭ يارقىن ئىپادىسى ئىدى. ئۇ داستاننىڭ 821 -، 2127 -، 2128 - بېيىتلىرىدا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

كۆڭلۈك ئۆزە بولدى بەگلىك ئۆلى بۇ بەگلىك كۆكى ئول كۆڭلۈك يولى [ئادالەت ئۈستىدە بۇ بەگلىك ئۆلى، بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت يولى.] بۇ ھىممەت بىلەن ھەم سىياسەت كېرەك سىياسەتكە بەگلىك رىياسەت كېرەك [بۇ ھىممەت بىلەن ھەم سىياسەت كېرەك، سىياسەتكە بەگلىك رىياسەت كېرەك.] سىياسەت بىلە بەگ تۈزەر ئەل تۆرۈ قارا قۇلنى ئەتۈر سىياسەت كۆرۈ [تۈزەر ئەل قانۇنىن سىياسەتلەر خان، ئاۋام خەلقىنى ھەم ئىلتەر شۇ تاما.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەل ئىچىگە پەقەت ئادالەتلىك قانۇن

335-بەت

يۈرگۈزۈش، تاشقى دۈشمەنلەرگە قورال ئىشلىتىش، خەلق ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقنى ئاۋۋال سىياسىي ۋاستىلەر بىلەن ھەل قىلىش، پەقەت بۇنىڭدىن ئۈنۈم ھاسىل بولۇش مۇمكىنلىكى قالمىغان شەرت ئاستىدىلا قورالغا تايىنىش، ئەمما شۇنداقتىمۇ قورالنى پەقەت يامانلارغىلا قارتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئۇ سىرتقا بېقىمىلىك ۋە خەلق ئىشلىرىغا ۋەھىمىلىك، تەھلىكىلىك مۇئامىلىدە بولۇشنى دۆلەت مۇنقەرزلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەبى سۈپىتىدە قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەقەت خەلقنى نەزەردە تۇتقان قانۇنلا ئادالەتلىك قانۇن بولىدۇ؛ ئادالەتسىز، ساختا «قانۇن» دۆلەت گۈللىنىشنىڭ كاپالىتى بولالمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، قانۇن خەلقنى نەزەردە تۇتۇپ تۈزۈلۈشى لازىم، دەپ قارىغان. ئۇ قانۇننىڭ ئادالەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئۇنىڭ خەلققە ئېزگۈ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە خەلققە بەخت يارىتىشىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. بۇ ھەقتە داستاننىڭ 5197-، 5302-، 5765- بېيىتلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

باغرىساق بولۇن بارچا بودۇنۇڭ تۈزە تۆرۈ قىل ئۇلۇغقا كىچىككە تۈزە [پۈتۈن خەلق ئۈچۈن سەن بولۇپ مېھرىبان، كىچىك — چوڭغا ئادىل ھۆكۈم قىل ھەر ئان.] چىغاي تۇل يەتىمنى باقاتۇر كۆرۈ بۆلارىغ كۆدەزسە بولۇر چىن تۆرۈ [بېقىر، تۇل، يېتىمنى قورۇغدا ئامان، شۇ چاغدا بولۇر چىن قانۇن نامايان.] ئاژۇن بولدى ئەرەسە تۆرۈ تۈگدىسى كىشىكە كىشىلىك بولۇر بەلگۈسى [جاھاندا تۈزۈلمە كلىك قانۇن ۋە نىزام، كىشىگە كىشىلىك قىلىشتۇر تامام.]

336-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئادالەتلىك قانۇننىڭ خەلق مەنپەئەتىنى قوغدىشى، ئۇنىڭ زۇلۇمغا قارشى پائال كۈرەش قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دەپ قارىغاندى. ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى: «زۇلۇم ئىشىكتىن كىرسە قانۇن تۆشۈكتىن چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن خەلق ماقالىغا ئوخشىتىپ تۇرۇپ، بۇ ئىككى كاتېگورىيەنى «ئوت» بىلەن «سۇ» دەك قارىمۇ قارشى دەپ قارىدى. ئۇ داستاننىڭ 2032 - بېيتىدا:

كۆيەر ئوت تۇرۇر كۈچ ياغۇسا كۆيەر تۇرۇ سۇۇ تۇرۇر ئاقسا نىمەت ئۈنەر [زۇلۇم - ئوت، يېقىنلاشسا، ئۇ كۆيدۈرەر، قانۇن - سۇ، ئۇ ئاقسا، نېمەت لەر ئۈنەر.]

دېسە، 2030 - ، 2031 - بېيىتلىرىدا زۇلۇم سالغاننىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈردى :

بۇ كۆچكەي كىشى كەندۈ بەگلىك يەمەز بۇ كۆچكەي كۈچىنى بودۇن كۆترۈمەز [سۈرەلمەس زالىم بەگ بەگلىك دەۋرىنى، كۆتۈرمەيدۇ خەلق ئۇنىڭ زۇلۇمىنى.] نەگۇ تەر ئەشتىگىل بىلىكلىگ سۆزۈن يەيۈمەدى كۈچكەي ئەلىن كەچ ئۆزۈن [نېمە دەيدۇ ئاقلا بىلىملىك سۆزۈن: بولالمايدۇ زالىم ھۆكۈمران ئۇزۇن.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادالەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشى، ياخشىغا مۇكاپات، يامانغا جازا قانۇن بويىچە ئادىل ۋە كېسكىن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدى. ئۇ داستاننىڭ 5288 - ، 5289 - بېيىتلىرىدىن بىر رۇبائىي تۈزۈپ، دۆلەت باشلىقى ۋە دۆلەت خادىملىرى

337-بەت

ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشى، خەلقنىڭ رايىغا بېقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ فېئوداللىق ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا كۈتۈلمىگەن دەرىجىدىكى غايەت زور ئىلغار ئىدىيە، شۇنىڭدەك جەسۇر تەشەببۇس ئىدى. ئۇ مۇنداق يازغان:

ئايا بەگ قاتىغلان بۇ تاقەت تېخى تۆرۈ قىل بودۇنقا تەگۈرگىل ئۈگى قالى تۇتسا تەقسىر يانا ئۆزۈرى قول تىلىن كۆندە تەۋبە قىلىنغىل ياشى [ئايا بەگ، تىرىشقىن كۈچۈڭ يەتكۈچە، قانۇننى خەلققە يەتكۈز ئۆگىچە، قۇسۇرۇڭ كۆرۈلسە، تەكشۈر، ئۆزرە ئېيىت، تىلىڭ بىلەن تەۋبە قىل كۈندۈز - كېچە.]

3. «قۇتادغۇبىلىك»تە ھەممە كىشىنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى بايان

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكى ئىدىيىسى تەنتەنىلىك جۈملىلەر ۋە ئوبرازلىق مىسرالار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ھوقۇق پەلسەپىسى تارىخىدا قىممەتلىك تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ بۇ قىممەتلىك ئىدىيىسىنى خاقان كۈنتۇغدىنىڭ ئۆز سۈپەتلىرىنى ئۆزى ئايتولدىغا تونۇشتۇرۇشى شەكلىدە بايان قىلىدۇ. داستاندا ئېيتىلىشىچە، بىر كۈنى ئۆزى ئايتولدى پادىشاھ كۈنتۇغدىنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، خاقاننىڭ قاپىقىنى تۈرۈپ جىددىي قىياپەتتە بىر - بىرى بىلەن چېتىلمىغان ئۈچ پۇتلۇق كۇرسىدا (ئورۇندۇقتا) ئولتۇرغانلىقىنى، خاقان قولىغا يالىڭاچ قىلىچ تۇتۇپ، ئۇنى ئوڭغا - سولغا يالتىرىتىپ تۇرغانلىقىنى، خاقاننىڭ بىر تەرىپىدە

338-بەت

· 334 · ئۈچىنچى پەسىل دۆلەت ۋە قانۇنشۇناسلىق جاۋاھىرلىرى

ئۆزەل، بىر تەرەپتە زەھەر سېلىنغان قاچىلار قويۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۆزىر ئايتولدى بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ بۇنىڭ مەنىسىنى كۈنتۇغدى ئېلىكتىن سورايدۇ. بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش شەكىلدە مۇتەپەككۇر ئۆزىنىڭ قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ، ھەتتا خانزادىنىڭمۇ باراۋەرلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ھوقۇقشۇناسلىق ئىدىيىسى بىلەن، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، ئۇنىڭ ئادىل ۋە كېسكىن بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنى ئىزاھلايدۇ. داستاننىڭ 824 - بېيىتىدىن تاكى 835 - بېيىتىغىچە ئۆزىر ئايتولدىنىڭ خاقان نېمە ئۈچۈن ئۆزۈگە كۈنتۇغدى دېگەن ئىسىم قويغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ئارقىلىق، كۈنتۇغدىنىڭ ئادالەتلىك قانۇننىڭ سىماسى سۈپىتىدە «بىرىنچىدىن، قۇياشنىڭ يورۇقى ھەمىشە بىردەك بولغىنىدەك ئادالەتتە ئىزچىللىقى» ، «ئىككىنچىدىن، قۇياشنىڭ ھەممە يەرگە تەڭ يورۇق چاچقىنىدەك خەلققە ئادالەت نۇرىنى ئوخشاش چاچىدىغانلىقى» ، «ئۈچىنچىدىن، قۇياش ئىللىقى زېمىننى گۈللەندۈرگىنىدەك، ئادالەتتە ھەممىگە تەڭ مەنپەئەت بېرىدىغانلىقى» ، «تۆتىنچىدىن، قوزغالماس يۇلتۇزلاردەك ئادالەتنىڭ ئىزچىل، باراۋەر ۋە ئىللىقلىقى جەھەتتە بەرقارارلىقى» نى تونۇشتۇرىدۇ. داستاننىڭ 816 - ، 809 - ، 817 - ، 818 - ، 828 - بېيىتلىرىدا مۇنداق روشەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن:

بۇ قاشىم تۈگۈكى بۇ كۆركۈسۈزلۈكۈم كۆچەمچى كەلەركە بۇ يۈرسۈزلۈكۈم [بۇ قاشىم تۈرۈكى، بۇ كۆركىسزلىكىم، زۇلۇم قىلغۇچىغا بۇ يۈرسىزلىكىم.] كۆڭلۈك ئۆزەلە كەسەر مەن ئىشىگ ئادىرماز مەن بەگسگ يا قۇلسىغ كىشىگ

339-بەت

[ قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن، ئايرىماسمەن بەگ ياقۇل دەپ ھېچ كىشىن. ] كېرەك ئوغلۇم ئەرسە ياقىن يا ياغۇق كېرەك بارقىن ئەرسە چەكلى قونۇق [ كېرەك ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم، يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىررەر قونىقىم. ] تۆرۈدە ئىككىگۈ ماڭا بىر سانى كەسەردە ئادىن بولماغاي ئول مەنى [ ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا. ] مەنىڭ مە تۆرۈم بۇ يوقالماس ئۆزۈن قامۇغ خەلققا بىر تەڭ نە قىلسام سۆزۈم [ مېنىڭمۇ ھۆكۈمىم شۇ، يوقالماس ئۆزۈم①، پۈتۈن خەلققە بىردەك قىلىمەن سۆزۈم. ]

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھوقۇقشۇناسلىق كۆز قاراشلىرىنىڭ يەنە بىرى، ئادالەتلىك قانۇننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىنتىقام بىلەن جازانىڭ ئېنىقلىقى، قانۇنىي تەدبىرلەرنىڭ كېسكىنلىكىدىن ئىبارەت. بۇ قانۇن نۇپۇزىنىڭ ئۆلى، ھاياتى كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ خاتىرجەم گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قانۇن ھۆكۈمرانلىقتىن ئۈستۈن، ھۆكۈمرانلىق ھەرقانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئۇلۇغى قانۇندۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ. داستاننىڭ 800-، 801-، 802-، 805-، 806- بېيىتلىرىدا ئادالەتلىك قانۇن ۋە ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىززەت - نۇپۇزى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان:

① ماهىيىتىم ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن مەنەدە.

340-بەت

مۇنۇ مەن مە كۆرگۈل كۈنلۈك تۆرۈ تۆرۈ قىلمىقلارى بۇ باقا تۇر كۆرۈ [ ئادالەت ۋە قانۇن ئۆزۈم مەن، قارا، قانۇننىڭ ئۆسپىنى بۇلاردىن سورا: ] بۇ كۆرسى ئۆزە لە ئۆز ئۆلدۈردۇقى ئاداقى ئۈچ ئول كۆر ئاي كۆڭلۈم توقى [مۇنۇ مەن ئولتۇرغان بۇ كۇرسقا باق، ئەي كۆڭلۈم توقى، بار ئوندا ئۈچ ئاياغ.] قامۇغ ئۈچ ئاداقلىق ئەستەمەز بولۇر ئۆچەگۈ تۆرۈر تۈز قامتماز بولۇر [ پۈتۈن ئۈچ ئاياغلىق قىنشايماس بولۇر، تۆرۈر ئۈچ پۇتى تۈز ۋە قايماس بولۇر.] قايۇ نەڭ تۈز ئەرسە قامۇغى ئۆز ئول قامۇغ ئۆز كۆرۈ بارسا قىلقى تۈز ئول [ نېمىكى تۈز بولسا، پۈتۈن ئۆز بولۇر، نېمىكى ئۆز بولسا، دېمەك تۈز بولۇر.] قايۇ نەڭ ئەمتسە كۆر ئەگرى بولۇر قامۇغ ئەگرىلەر ئەسز ئورغى بولۇر [ نېمىكى ئېگىلسە، ئۇ ئەگرى بولۇر، پۈتۈن ئەگرى - يامانلىق ئورۇقى بولۇر.]

داستاننىڭ 811 - بېيىتىدا:

پىچەك تەگ بىچار مەن كەسەر مەن ئىشىگ ئۇزاتماز مەن دەۋى قىلمىغلى كىشىگ [ پىچاقدەك كېسەر مەن، پېچىپ ئىشنى، ساقلاتماي دەۋاغا كەلگەن كىشىنى.]

دەپ، ئادالەتلىك قانۇننى يۈرگۈزۈشتىكى ئۈزۈل - كېسىللىكنى تىلغا ئالسا، داستاننىڭ 812 - ، 813 - ، 814 - ، 815 - بېيىتلىرىدا، خاقان كۈنتۇغدىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھەسەل بىلەن

341-بەت

زەھەر سېلىنغان قىلچلار تەمسىلىدە ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا قوللىنىشنى ئوچۇق تەۋسىيە قىلىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ سىياسىي - ئىجتىمائىي پىكىرلەرگە بېغىشلانغان كەڭ ساھەسىدە، زۇلۇم ۋە زورۋانلىق بىر خىل قاباھەت ۋە جىنايەت شەكىلدە ئەيىبلىنىگەن. بىز داستاننىڭ 2032 - 3107 - بېيىتلىرىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زۇلۇمنى ئوتتەك بالايىئاپەت سۈپىتىدە، قانۇننى ئۇنىڭغا سۇدەك ھايات كۆكەرتكۈچى كۈچ سۈپىتىدە خاراكتېرلىگەنلىكىنى كۆرسەك، 2030 - ، 2031 - ، 2034 - بېيىتلاردىن مۇتەپەككۇرنىڭ زۇلۇم جاھاننى ۋەيران قىلىدۇ، خەلق زۇلۇمنى كۆتۈرمەيدۇ، پەقەت قانۇن ئارقىلىقلا جاھان تۈزىلىدۇ، دېگەن ئاقىلانە كۆز قارىشىنى كۆرىمىز①. بۇ داستاننىڭ 2034 - بېيىتىدا قانۇن بىلەن ئەلمۇ، جاھانمۇ ئۆز يولىغا چۈشۈپ تۈزىلىدۇ، زۇلۇم بىلەن ئەل بۇزۇلىدۇ، جاھانمۇ بۇزۇلىدۇ، دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق يازغان:

ئەل ئارتار تۆرۈ بىرلە ئەتلۈر ئاجۇن ئەل ئەكسۈر بۇ كۈچ بىرلە بۇزلۇر ئاجۇن [ئەل ئارتار قانۇن بىرلە، تۈزۈلۈر جاھان، زۇلۇم بىرلە كېمىيىپ ئەل، بۇزۇلۇر جاھان.]

شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، بومباچى قاتارلىق قىسمەن ئالىملار كونتۇغدۇنىڭ قىلىچ تۇتۇپ ئۈچ پۇتلۇق كۆرستە ئولتۇرغانلىقىنى گرىك ئەپسانىلىرىدىكى دىكا بىلەن تېمىس قاتارلىق ئىلاھىي ئوبرازلار تەسىرىگە ئوخشىتىش ئارقىلىق، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدىيىلىرى گرىك تەسىرىنىڭ مەھسۇلى، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى② . دىكا بىلەن تېمىس قانۇن

① ئالدىنقى ماۋزۇدىكى مىسال ئېلىنغان بېيىتلارغا قارالسۇن. ② «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 158 - بەت.

342-بەت

ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەرلىكى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، بۇ خىل شەكىلدىن مەزمۇن ئۆزۈلۈشنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدۇ. قەدىمكى گىرېكلاردا مەيلى ئادەت قانۇنى، مەيلى رەسمىي قانۇن، مەيلى قانۇن ھەققىدىكى غايىۋى تەشەببۇسلاردا بولسۇن، قانۇن پەقەت ئەركىن كىشىلەرگە ھەم پەقەت گىرېك مىللىتى ۋەتەنداشلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، سىنىپىي ھەم مىللىي چەك روشەن ئىدى. گىرېك ئەپسانىلىرىمۇ گىرېك توپراقنىڭ مەسئۇلى بولغاچقا، تولىمۇ ھاكىممۇتلاق، دەرجىلىك، قىساسكار ئىلاھىي ئوبرازلار بىلەن تولغانىدى. بۇ مەدەنىيەت تارىخىغا تولىمۇ ئايان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكى ئىدىيىسى ئۇنىڭ ھوقۇقشۇناسلىق ئىلمىي ساھەسىدىكى غايەت زور تۆھپىسىدۇر. ۋەھالەنكى، 1776 - يىلى تۈزۈلگەن ئامېرىكا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» [8] بىلەن 1789 - يىلىدىكى فرانسۇز بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» [9] دا غەربتە تۇنجى تۈركۈمدە «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. XVIII ئەسىر غەرب قانۇن دەستۇرلىرىدا يەنىلا بىر دۆلەتتە شۇ دۆلەتتىكى پۇقرالار ياكى شۇ دۆلەتتىكى ئاساسىي مىللەتلا قوغدىنىش ۋە جازالىنىش بويىچە قانۇن ئالدىدا باراۋەر، بولۇپ، باشقا دۆلەت ۋە مىللەت كىشىلىرى بۇ ھوقۇقتىن مۇستەسنا ئىدى.

بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟

بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ غەرب قانۇنشۇناسلىرىدىن يەتتە ئەسىر ئىلگىرى تۇنجى بولۇپ بۇ كلاسسىك قاراش ۋە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خان جەمەتى بىلەن قوللارمۇ قانۇن ئالدىدا ھوقۇقتا باراۋەر، دېگەن كلاسسىك قاراش ۋە

343-بەت

تەشەببۇسىنىڭ ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مىللەت ۋە تېررېتورىيە بىلەن چىگىرلانماي، ئۆز يۇرتى ياكى چەت ئەللىك مۇساپىر دەپ ئايرىماي قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۈچ قاتلام چۈشەنچىنى نوقۇل يەتتە يۈز يىل بىلەن ئىپادە قىلغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئىدىيىسى ئوتتۇرا ئەسىر فېئودال ھاكىممۇتلەقلىقى، شەپقەتسىز زۇلۇم ۋە ئىجتىمائىي پاجىئە ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن شارائىتتا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەتكە ئىگە ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تېخى سىنىپىي زۇلۇم، ئىجتىمائىي زورەۋانلىقنى پۈتۈن سىنىپىي جەمئىيەتنى يوقىتىپ، سىنىپسىز ۋە مەرىپەتلىك (سوتسىيالىستىك) جەمئىيەت بەرپا قىلىش بىلەن يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تىلغا ئالغان زۇلۇم پەقەت چەكتىن ئاشقان زورەۋانلىق ۋە ئادالەتسىزلىك ھادىسىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، پۈتۈن فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاش دېگەن چۈشەنچىدىن تولىمۇ يىراق ئىدى.

4. «قۇتادغۇبىلىك»تە ھەممە كىشىنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكى قارىشىنىڭ تارىخىي قىممىتى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەممە كىشىنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكى ئىدىيىسىنى غەرب بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىدىن يەتتە ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇنشۇناسلىق تارىخىدا پارلاق نامايەندە بولۇپ قالدى.

شۇنى ئېنىقلاش كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ بىر

344-بەت

پارلاق قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىسىنى مۇتلەق مەنىدە ئەمەس، بەلكى نىسپىي ۋە تارىخىي مەنىدە غەرب بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىدىيىسى ۋە دەسلەپكى تۈركۈمدىكى بۇرژۇئازىيە ئاساسىي قانۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەممە كىشىنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكى ئىدىيىسى ئۆزىگە خاس تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى مۇنداق ئىخچاملاش مۇمكىن:

بىرىنچىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئىدىيىسىنى خۇددى غەرب مۇتەپەككۇرلىرىدەك فېئودالىزمنىڭ ئومۇميۈزلۈك بۇھرانى ۋە كاپىتالىزمغا ھامىلدارلىقى مۇھىتىدا، مەيدانغا كېلىشى تارىخىي مۇقەررەرلىك بولۇپ قالغان كاپىتالىزمنىڭ ھوقۇقشۇناسلىق ئىدېئولوگىيىسى ياكى يېڭى بۇرژۇئازىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇن ئۈستقۇرۇلمىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا ئاتقىنى يوق، بەلكى ئۇ فېئودالىزمنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە، «ئەرەب مەدەنىيەت ئويغىنىشى» نامىدىكى شەرق - غەرب مەدەنىيەتلىرى يېتەرلىك ئۇچراشقان زاماندا، فارابى باشچىلىقىدىكى گۇمانىستىك - راتسىئونالىستىك تەپەككۇر جاۋاھىراتلىرى مۆجەسسەملەشكەندىن كېيىنكى چاغدا، قاراخانىيلار ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىغا يۈزلەنگەن، فېئوداللىق ھاكىمىيەت قانۇن بوشىشىدىن، ئەخلاق بۇزۇلۇشىدىن ھالاك بولۇش ياكى قانۇن - ئەخلاق ئىسلاھاتى ئارقىلىق يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن بولۇپ تۇرغان مۇھىتتا، ئۆزىنىڭ فېئوداللىق تارىخىي ئوربىتا چېكىلىمىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار بولغان غايىۋى جەمئىيەت مودېلىنى سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ بىر تەرەپتىن رېئاللىققا يۈزلىنىپ تەركىيدۇنياچىلىقنى ئەيىبلىدى، رېئال دۇنيانى تۈزەشكە ئىنتىلدى. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىنقىلاب ئارقىلىق

345-بەت

فېئودالىزمنى غۇلىتىپ تاشلاشنى ئەمەس، بەلكى ئىزگۈ، ئادالەت ۋە قانۇن بىلەن قاباھەت، زوراۋانلىق ۋە بولغۇنچىلارنى تازىلاشنى تەكىتلىدى. دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام قىلىپ بېرىش ۋە قانۇن تۈزۈشنى ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ قەلبى، ئىرادىسىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكىگە تايىنىشنى؛ يىغىن - پارلامېنتقا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى بىلىم - ھېكمەتكە تايىنىپ دۇنيانى تۈزەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇنىڭ بارلىق مۇتەپەككۇرلاردەك بىلىم ۋە ئەقىلگە تايىنىپ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار نەزەر تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى «بىلىگ تىلىگ» (دانىشمەن خان)، «بىلىگ تۆرۈ» (دانا قانۇن)، «كۆنى تۆرۈ» (ئادىل قانۇن) ئىدىيىلىرى بىلەن پلاتون - فارابىلارنىڭ «پەيلاسوپ پادىشاھ» تەلىماتلىرىغا، جۈملىدىن سۇلايمان، ئەفراسىياپ، نوشىرۋانلارنىڭ ئوبرازىغا يىغىنچاقلاشقان غايىۋى خاقان تەپەككۇرىغا يۆلەندى، ئۇنى يۇقىرى نەزەرىيىۋى ئېگىزلىككە كۆتۈرۈپ، سىستېمىلىق ۋە كلاسسىك پىكىر شەكىلگە سالدى.

ئىككىنچىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئىدىيىنى يەنىلا مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالەم ۋە ئىنسانىيەت گارمونىيىسىنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت تىپى [10] ئىزىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇشۇ مەدەنىيەت تىپىغا خاس ھوقۇقشۇناسلىق نومۇسىنى تىكلىدى.

مەلۇمكى، يىراق شەرق تە، جۈملىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىنسان بىلەن پادىشاھنىڭ مۇناسىۋىتى، پۇقرانىڭ ئەمەلدارغا، ئەمەلدارنىڭ پادىشاھ، ئالەمنىڭ پادىشاھ (ئىمپېراتور) قا قاراشلىقى كىشىلىك پەلسەپىسى قىلىنغانىدى. سوغا - سالام، باج - سېلىق، ھاشار - سەيىس پۇقرادىن ئەمەلدارغا قاراپ يۈزلەنىتتى. بۇ قاراش سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ «ئاسمان تەكتى ئاۋامنىڭ» دېگەن يېڭى شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھام

346-بەت

بولدى. جۇڭگو تارىخىدا كۆپ قېتىم قانۇن ئىسلاھاتى تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، قەدىمدىن داۋام قىلغان، مەدەنىيەت تىپى خاراكتېرى يارقىن بولغان ئەنئەنىۋى كىشىلىك ۋە ھوقۇق قارىشىغا زىت ھالدىكى بۇ «ئاسمان تەكتى ئامانلىق» دېگەن قاراشنى ھېچكىم ئوتتۇرىغا قويالمىغانىدى.

غەربىي ياۋروپا كىشىلىك قارىشىنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت تىپى، ئىنسان بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتىنى ئۆلچەم قىلاتتى. «تەبىئەتكە تەقلىد قىلىش» يالغۇز سەنئەتتىلا ئەمەس، ھەممە كىشىلىك قاراشلىرى ساھەسىگىمۇ تەئەللۇق بولغان. ياۋروپا بۇرژۇئازىيە مەرىپەتچىلىرى ۋە ماتېرىيالىستلىرى مۇشۇ مەدەنىيەت تىپى ئاساسىدا «ئىنساننىڭ تەبىئىي (تۇغما) ھوقۇقى» پرىنسىپىنى مەركەز قىلىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىكى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن غەربىي ئاسىيا خەلقى ئىنسان بىلەن مۇقەددەس كۈچنىڭ — ئاللاھنىڭ مۇناسىۋىتىنى كىشىلىك قاراشلىرىنىڭ مەركىزى قىلغان ئۈچىنچى خىل مەدەنىيەت تىپىغا تەۋە ئىدى. بۇ زېمىننى ئاسمانغا، ئاسماننى زېمىنغا، ئىنساننى تەڭرىگە، تەڭرىنى ئىنسانغا تۇتاشتۇرىدىغان مۇقەددەس «قۇت»نى ئاساس قىلاتتى. ئۇيغۇرلار مەيلى كۆكتەڭرى، مىترا (مەھىرگەن تەڭرى)، شامان، ئاتەشبەرەس، بوددا، مانى ۋە ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغان چاغلاردا بولسۇن، «قۇت» ئىبارىسىنى ئەڭ ئالىي پرىنسىپ، ئالەم — ئىنسان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقەددەس نىزامى قىلىپ كەلدى. «جۇنامە . كۆكتۈرك تەزكىرىسى»دە قەيت قىلىنغان يېڭى خاقاننى توققۇز كىشى كۆتۈرۈپ قوياشنى توققۇز ئايلاندۇرۇپ، قوياشقا توققۇز سالام قىلدۇرىدىغان، تەختكە چىقىپ ئولتۇرغاندا بوينىنى تانىدا باغلاپ، قۇت ھۆرمىتى خەلققە نېمە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلىتىشى، «ئورخۇن مەڭگۈ

347-بەت

تاشلىرى» ، «تۇرپان تېكىستلىرى» ، «قۇتادغۇبىلىك» تىن ھازىرغىچە «قۇت» ئىبارىسىنى ئۇلۇغ بىلىشى ، پادىشاھلارنىڭ خەير - ئېھسان بېرىشى ، چۆگۈلەرنىڭ كىچىكلەردىن دەسلەپ قىلىپ سالام بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى ، مانا مۇشۇ مەدەنىيەت تېپىنىڭ مەسئۇلى ھېسابلىنىدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت (جۈملىدىن بەخت) نىڭ بېقرارلىقى ، قانۇننىڭ پادىشاھتىن ئۈستۈنلۈكى ، ئادالەتنى نېگىز قىلىپ ، قانۇن بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈش قاراشلىرىمۇ ئەنە شۇ «قۇت» مىزان قىلىنغان مەدەنىيەت تېپىنىڭ راۋاجى ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىكى قارىشى ئونىڭ نوقۇل قانۇن ( «تۆرۈ» ، «تۆرۈ - توقا» ) بىلەن باشقۇرۇش ئىدىيىسىنىلا مەسئۇلى بولماي ، بەلكى مۇقەددەس «قۇت» — تەڭرى — تەبىئەت — ئىنسانىيەت گارمۇنىيىسى پرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدىن ئىبارەت .

ئۈچىنچىدىن ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەنە شۇ «قۇت» پرىنسىپىغا يېڭى تارىخىي قاتلام بېغىشلىدى . ئونىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى «قۇت» ئوبيېكتى بىلەن «بىلىك» سوبيېكتىنى بىرلەشتۈرگەنلىكتۈر . مۇتەپەككۇر «ئادالەت» ( «كۈنى» ) كاتېگورىيىسىنى مانا مۇشۇنداق بىرلەشكەنلىكنىڭ كونكرېت مەسئۇلى دەپ قارىدى .

دەرۋەقە ، «بىلىم» ( «بىلىك» ) بىلەن «ئادالەت» ئىبارىسى ئۇيغۇر ۋە ئونىڭ ئەجدادلىرىدا قەدىمدىنلا مەۋجۇت ئىدى . «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دىكى: «بىرىكى بودۇنۇغ ئوت سۇب قىلمادىم» (پۈتۈن خەلقىمنى ئوت بىلەن سۇدەك قىلىپ قويمىدىم) دېگەن سۆز بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى :

348-بەت

ئەندىك كىشى تەتلىسۈن، ئەلگە تۆرۈ يەتلىسۈن، توقلى بۆرى قاتلىسۈن، قازغۇ يەمە ساۋلىسۈن. [ھاماقەت سەگەك بولسۈن، ئەلگە قانۇن ئورناتسۇن، قوزا — بۆرە قوشۇلسۇن، ھەممە غەمدىن قۇتۇلسۇن.]

دېگەن قەدىمكى تۈركىي قوشقى ئۇنىڭغا دەلىل ئىدى. بىز مۇئەللىپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇرچە «ئالتۇن يارۇغ»، XII — XIV ئەسىرگە تەئەللۇق ئۇيغۇرچە قانۇن ۋەسىقىلەر، «ئاتائاكا دەۋە ھەققىدە رىۋايەت» قاتارلىق «تۇرپان تېكىستلىرى» ھۆججەتلىرىدە «كۆنى بىلىك» (ھەقىقىي ئادىل دانالىق بىلىمى)، «ئېلىل ياشىنچا تۈشى بىلە كۆنى بىرۇر مەن» (ئەلگە ئۆز ئۈلۈشىگە لايىق ئادالەت بېرىمەن)، «ئارداقسىز، ياشلۇقسىز كۆنى كېرتۈ يورۇقۇڭىز ئول» (بىغۇبار، خاتاسىز ھەقىقىي ئادىل نۇرىڭىز)، «تۇرۇقارۇ كۆنى كېرتۈ يورۇغان ئول تۈمەن كىشكە سانۇر» (ئۇ ھەقىقىي ئادالەت نۇرىنى تۈمەن كىشىگە يايۇر) دېگەن ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىمىز. «ئەتەبەئۇل ھەقايىق» تا «كۆنى سۆز» (ھەق سۆز) دېگەن جۈملە ئۇچرايدۇ. بۇلاردىن باشقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» دىكى «دۆلەتنى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن تۈزەپ» (ئۇيغۇرچىسى ئۆچۈپ كەتكەن، خەنزۇچىسى 《以明智治国》 دەپ يېزىلغان) دېگەن سۆز بىلەن «ئالتۇن يارۇغ» دىكى: «بىلىكىڭ ئەرتەملىك قۇتۇلۇنۇر» (بىلىملىك ۋە ئەخلاقلىق قۇتلۇق بولۇر) دېگەن سۆزدۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم — ئادالەت — قانۇن — دۆلەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ توپ مەنپەئىتى بويىچە بىرلەشتۈردى ۋە يېڭى تارىخىي فورماتسىيىگە ئىگە قىلدى. ئۇ ئىنساننىڭ مۇقەددەس

349-بەت

«قۇت» قا بولغان مۇناسىۋەتنى پانتېئىزملىق ئاساستا ئالەم، ئىلاھىيەت، ئىنسانىيەتنىڭ گارمونىك بىردەكلىكى ئاساسىدا چۈشەندى ۋە ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك مۇناسىۋەتنى «كىشىلىك دېمەك كىشىلىككە كىشىلىكچە مۇناسىۋەت قىلىش» دەپ ئىزاھلىدى. ئۇ ئۇلۇغۋار ئىنسانپەرۋەر سۈپىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىزچىل قوغدىدى ۋە كىشىلىككە مۇناسىپ مۇناسىۋەتلەر تۈرىدىكى غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ھەتتا زوراۋانلىققا قارشى كۈرەشنى خەلقنىڭ قۇتلۇق پائالىيىتى ۋە قۇت تىكلەش ھوقۇقى، دەپ قارىدى. بۇ خەلقنىڭ «تۆرۈ قۇتى»، «كۆنى تۆرۈ» يولىدىكى «ئەركىنلىك (ئەركىنلىك ئىزدىمەك) ھەرىكىتى ھېسابلاناتتى.

بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھوقۇقشۇناسلىق ئىدىيىلىرىنىڭ يىلتىزى، مەدەنىيەت تىپى، خاس مەزمۇنى ۋە تارىخىي قىممىتىگە يانداشقانلىرىمىزدا، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھالقىلىق، ماھىيەتلىك نۇقتىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئالىمنىڭ قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى قارىشىنىڭ تارىخىي قىممىتى ئۇنىڭ ئادەت قانۇنى، يازما (ھۆججەتلىك) قانۇن ياكى بۇ پىكىرنى غەرب بۇرژۇئازىيە قانۇنشۇناسلىرىدىن قانچىلىك ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

5. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئەينى زامان ئىجتىمائىي تەبىقىلىرى تەپسىلاتى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەينى زامان ئىجتىمائىي تەبىقىلىرى توغرىسىدىكى ئۈچۈر ۋە قاراشلىرى تەتقىقاتى قىزىقارلىق، مۇھىم بىر تېما.

350-بەت

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، مەسىلەن، تۈركىيە ئالىمى كاپسوغلو: « <قۇتادغۇبىلىك>تە مېتافىزىكا ۋە سىنىپلارغا ئايرىشنى ئۇچراتمايمىز» ، «يۈسۈپنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى <ئومۇمىي چۈشەنچە> دەپ قاراش تېخىمۇ توغرا»① دېسە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، مەسىلەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتور، پروفېسسور ئەزىز نارىنبايوف: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلىرى بىلەن قاتلاملىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكلىرى ياتقانلىقىنى ھېسابقا ئېلىپ، تەپسىلىي سىنىپلارغا بۆلۈپ تەھلىل قىلىپ چىققان»② دەپ يازدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەتقىقاتچىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەسەب جەھەتتىكى پەرقلەر مەڭگۈلۈك دېگەن قاراشلىرى بىلەن باي - كەمبەغەل پەرقىنى تۈگىتىپ «قوي بىلەن بۆرە بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىدىغان» ، «گۈزەل جاھان» قۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى ئۆزارا زىددىيەتلىك، دەپ چۈشەنمەكتە. مانا بۇلارمۇ ئالىمنىڭ ئىجتىمائىي تەبىقىلەر قاراشلىرى تەتقىقاتىغا زوق قوشىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئېيتىش مۇمكىنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ فېئوداللىق سىنىپىي جەمئىيەتتە ياشىغان ۋە ئۆز قاراشلىرىدا ئەينى زامان سىنىپىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى پاجىئەلەر ئۈستىدە مۇھاكىمىلىك ئۆتكۈر ئىپادىلىگەن. بۇ ھېچقانداق «مېتافىزىكا»لىق ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي رېئاللىق.

ئېيتىش مۇمكىنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەسەب پەرىقلىرىنى ئۇزاق ساقلىنىدىغان، كېلىپ چىقىش ۋە داۋاملىشىش

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 151 - ۋە 133 - بەت. ② يۇقىرىقى كىتاب، 214 - بەت.

351-بەت

سەۋىيەلىرىگە ئىگە پەرق، دەپ قارىغان. بۇ پەرقنى پۈتكۈل كىشىلىك تارىخىدا ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ سىنىپىي پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسا، ئۆزىنىڭ قانۇن ۋە ئەڭگىلىكنى ئىسلاھ قىلىش پروگراممىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولاتتى. ئوخشاشلا ئۇ بۇ پەرقلەرنى تۈگىتىش مۇمكىن دەپ ئويلىمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانۇن ۋە ئەڭگىلىك ئىسلاھاتى تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولاتتى. مەسىلە شۇ يەردىكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ سىنىپلارنى بىز چۈشىنىۋاتقان دەرىجىدە چۈشەنمىدى، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنىڭ تۈپ ماھىيىتى ۋە يىلتىزلىرىنى يېتەرلىك بىلمىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زامان رەڭگارەڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى، كۈلكە ۋە نالە سادالىرىنى كەسىپ (پائالىيەت) پەرقى ۋە قاتلام (مۈلۈك ئىگىلىك) پەرقى بويىچە تۈرگە ئايرىپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭچە، كەسىپتە قاتلام مەۋجۇت ئىدى! كەسپىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، قاتلاملارنى تەڭشەش، بېيىتىشتا تەڭلەشتۈرۈش مۇمكىن ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي ۋە كەسپىي تەبىقىلەرنى ئۇلارنىڭ ماددىي بايلىققا بولغان ئىگىدارچىلىق دەرىجىسىگە قاراپ ئۈچ دەرىجىگە — بايلار تەبىقىسى، ئوتتۇرا ھاللىقلار تەبىقىسى ۋە كەمبەغەللەر («چىغايلار») تەبىقىسىگە ئاجراتقان. ئۇ ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ ھال — ئەھۋالى ئوخشىمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، سىياسەت ۋە باج — سېلىقتا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، كەمبەغەل ئاھالىنى چامىسى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلىماسلىق لازىم، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئەينى زاماندىكى، ھاللىقلارنى يۆلەپ نامراتلارنى باسىدىغان، پۈتۈن دۆلەت خىراجىتىنى نامرات ئاھالە بېشىغا چاچىدىغان ھەققانىيەتسىزلىككە قارشى خەلق مەنپەئىتىنىڭ ھەقىقىي

352-بەت

ھامىلىلىقى ئىدى.

ئۇ داستاننىڭ 5561 -، 5562 -، 5563 -، 5564 -، 5565 - بېيىتلىرىدا مۇنداق مۇھاكىمە بايان قىلىدۇ:

بۇلاردىن بىرىسى بۇ بايلار تۇرۇر بودۇن كۆچلۈكى بۇ ئاڭ قىلغى ئونۇر [بۇ ئۈچىنچى بىرىسىمۇ بايلار ئېرۇر، خەلقنىڭ كۈچلۈكى شۇلار، ئەي جەسۇر.] بۇلاردىن باساسى كۆر ئوتتۇ كىشى بۇ ئوتتۇ قىلۇماز بۇ بايلار ئىشى [كېلىدۇ ئۇلاردىن سوڭ ئوتتا كىشى، بۇلار قىلالمايدۇ بۇ بايلار ئىشى.] چىغايلا تۇرۇر كۆر بۇلاردا باسا بۇلارىغ كۆدەزگۈ قامۇغدىن ئوزا [كېلۇر ئۇندىن كېيىن خەلق يوقسۇللىرى، كۆزىتىش ئۇلارنى سەن ئەڭ ئىلگىرى.] يۈدۈرمەگۈ بايلار يۈكىن ئوتتۇقا بۇ ئوتتۇ بۆزۈلغاي تۆكەل ئارتاغا [يۈدۈكۈزمە بۇ بايلار يۈكىن ئوتتۇغا، چۈشەر بولار بوزۇلۇپ خاراپ ھالغا.] چىغايغا يۈدۈرمەگۈ ئوتتۇ يۈكى چىغاي ئۆلگە ئاچىن ئۈزۈلگە كۆكى [يوقسۇلغا يۈدۈكۈزمە ئوتتۇلار يۈكىن، ئۆلەر ئاچتىن، بۇ ھال قۇرۇپ يىلتىزىن.]

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەينى زاماندىكى ھەر خىل مەمۇرىي، مەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي كەسپىي گۇرۇھلار، تەبىقە ۋە تائىپىلەر، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، رولى، ئۇلارنىڭ ھايات شارائىتلىرى ۋە تۇرمۇش شەكلى، ئۇلارنىڭ مەنىۋى

353-بەت

ئالاھىدىلىكلىرى، ھاكىمىيەتنىڭ ئۇلارغا قوللىنىشى لازىم بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتى، بۇ خىل ھەر خىل گۇرۇھلار ئارىسىدا بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ھەمجەھەتلىك، گارمونىيە ھاسىل قىلىشنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلق ھاياتىنى پاراۋانلاشتۇرۇشتىكى غايەت زور ئەھمىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە كەڭ توختىلىلغان ۋە تارىخىي مەلۇمات بېرىلگەن.

داستاندا بۇلار قاتارىدا ھۆكۈمران تەبەقىلەر، مەنسەپ ئەھلى، ساراي خىزمەتچىلىرى («قاپۇغداقى ئەرت»)، دىنىي ئاقسۆڭەكلەر («سەئىد»)، ئالىم، مۇتەپەككۇرلار («ئالىم»، «بىلىگ»)، تىبابەتچىلەر («ئوتاچى»، «ئەمچى»)، مۇنەججىملەر («يىلدۇزچى»)، چۈش تەبىرچىلىرى («تۈش يۆرغۇچى»)، شائىرلار، دېھقانلار («تارىغچى»)، سودىگەرلەر («ساتغىچى»)، چارۋىچىلار («ئىگدىشچى»)، تۆمۈرچى («تۆمۈرچى»)، ياغاچچى («قۇرمىچى»)، موزدۇز («ئەتۈكچى»)، توقۇچى قاتارلىق ھۈنەر — كاسىپلار («ئۇز»)، يوقسۇللار («چىغاي») تىلغا ئېلىنغان. ئۇلارنى ئاقىلانە چۈشىنىپ، ئۇلارغا توغرا سىياسەت قوللىنىپ، دۆلەتنى تىنچ گۈللىتىش يوللىرى تەۋسىيە قىلىنغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زامان شارائىتىغا كۆرە، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن سودا — تىجارەت ۋە ئىچكى — تاشقى قاتناش ئالاقىلىرىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي ساھەلىرى ھېسابلىدى.

ئۇ دېھقانلار توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇلارنى «كېرەكلىك ۋە سۆيۈملۈك كىشىلەر»، «ئۇلارنىڭ قولى ئوچۇق، كۆڭلى كەڭ»، «ئۇلاردىن بارلىق تىرىكلىك مەنپەئەتدار»، «ھەممىگە ئۇلاردىن يېمەك — ئىچمەك لەززىتى تېگىدۇ»، «تىرىكلىكنى…

354-بەت

خالىغان بارلىق ئوزۇقلانغۇچىلار ئۇلارغا موھتاج»، شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارغا ياخشى سۆزلە، ئوچۇق چىراي بول» دەپ كۆرسىتىدۇ، شەھەر مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن دېھقانلارغا نەزەر سالىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئولتۇراقلىشىش، يەر - مۈلۈك سودىسى، سوغۇرۇش مەسىلىلىرى، يېمەك ۋە كىيىنىش بىلەن تەلىم مەسىلىلىرىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى يۆل قىلغانلىقى، قەدىمكى ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ھاياتىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇ چارۋىچىلار توغرىسىدا توختالغىنىدا، ئۇلار «مەنپەئەتلىك كىشىلەر»، «ھالال كىشىلەر»، ئۇلار يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، مىنىدىغان ئات، جەڭ ئايغىرى، يۈك توشۇيدىغان ئات، قىمىز، سۈت، يۇڭ، ياغ، قۇرت («يۇغۇرت»)، قۇرۇت، تۆشەك، كىگىز قاتارلىقلار بىلەن جەمئىيەتنى تەمىنلەيدۇ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا تېخىمۇ كەڭ قورساق بولغىن، ئۇلاردىن قانۇن ياكى قائىدە تەلەپ قىلىپ ئولتۇرما، دەپ كۆرسىتىدۇ.

شۇنى ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاھالىنىڭ كۆچمەنى — چارۋىچى تەركىبىنى ئۇنىڭ ئولتۇراقلاشقان دېھقان تەركىبىدىن كۆرە مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالغان، دەپ قارىغان. بۇ ئۇنىڭ مىللىي مەسىلىگە ئائىت كۆز قارىشى بولماستىن، بەلكى ئەينى زاماندىكى رېئال ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان تونۇشى ئىدى.

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلق ئېگىلىكى ۋە پۈتكۈل تارىخىدا ئولتۇراقلاشقان دېھقانچى ئاھالە بىلەن كۆچمەن چارۋىچى ئاھالە ئاساسلىق تارىخىي پېرسوناژلار سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ

355-بەت

باراتتى. ئۇلار ھەم پەرىقلىق، ھەم ئورتاقلىققا ئىگە خەلق ئىگىلىكى تورىنى ھاسىل قىلغان. قەدىمكى ئاتەشپەرەسلىك دەستۇرى «ئاۋېستا» دا كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر قاراڭغۇ (جاھالەت) پادىشاھلىقى سۈپىتىدە، ئولتۇراقلاشقان دېھقانچى قەبىلىلەر يورۇقلۇق پادىشاھلىقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، ئولتۇراقلىشىش ھەم دېھقانچىلىق، ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش تەشەببۇس قىلىنغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن ئىبارەت فېئودالىزمنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىغا قەدەم قويغان خاندانلىقنىڭ يەنىلا ئولتۇراقلاشقان دېھقان - چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىشى لازىملىقىنى، شۇنىڭدەك كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرگە نىسبەتەن مۇۋاپىق سىياسەت قوللىنىشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغانىدى. كارل ماركس ئولتۇراقلاشقان ئاھالە بىلەن كۆچمەنچى ئاھالە مۇناسىۋىتىنى، ئۇلارنىڭ سوغىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەتتا بارلىق شەرق ئەللىرى قەبىلىلىرى ھاياتىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئاچقۇچ، دەپ كۆرسەتكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ چىگىل قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، «ئۇلارغا ياخشى سۆز قىل، ئەمما دوست تۇتما، ئۇلار پەسكەش، قوپال ۋە پاراسەتسىزدۇر» ① دەپ تىلغا ئالغانلىقى، يەنى زامان رېئاللىقىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى بىلەن ئالاقىدار بولسا كېرەك.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قول ھۈنەرۋەنلىكى ۋە سودا - تىجارەت ئۈستىدە توختالغاندا، سودا - تىجارەت

① «ئۆزبېكىستان س س ر تارىخى»، 1956 - يىل ئۆزبېكچە نەشرى، 1 توم، 283 - بەت.

356-بەت

ھېرسىمنىلىكى (重商主义) [11] ئىدىيىسىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماختاشلىرى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىققا نىسبەتەن قىزغىن ئىدى. ئۇ قول ھۈنەرۋەنلىكنى ئالەمنى زىننەتلەش سەنئىتى سۈپىتىدە:

بۇ دۇنيا ئەتگى بولاردىن تۇرۇر ئازۇندا تالۇ ئىشلار بولاردىن تۇرۇر [بۇ دۇنيا زىننىتى بولاردىن تۇرۇر، جاھاندا تالۇ ئىشلار بولاردىن كېلۇر.]

دەپ تەرىپلىسە، سودا - تىجارەتنى:

ئۇلاردىن بولۇر بۇ ئازۇن ئارزۇسى بودۇن كوركى، ئۆدرۈم تالۇ ئەدگۈسى [ئۇلاردىن بولۇر بۇ جاھان ئارزۇسى، خەلق كوركى، سەر خىل جىسىم ياخشىسى.]

دەپ تەرىپلەيدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ سودىگەرلەرنىڭ ئۆز پايدىسىنى كۆزلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي خاراكتېرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھالدا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئوبيېكتىپ رولى جەھەتتىن ئۇلارنى دۇنيادىكى ئاجايىپ نەرسىلەرنى قەدىرلىگۈچى، كۆپ كۆرۈپ، كۆپ بىلگەن ۋە بىلىملىك كىشىلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەڭ نەزەر ۋە ئاقىللىققا ئىگە كىشىلەر دەپ ئالاھىدە تونۇشتۇرىدۇ. ئۇ «قىتان كارۋانلىرى ئۈزۈلۈپ قالسا، مىڭ تۈمەن خىل تاۋار - دۇردۇن قەيەردىن كېلەتتى»، «سودىگەرلەر جاھان كېزىپ يۈرمىسە، كىممۇ ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى تىزىلايتتى»، «قىسقىسى، ئۇلارسىز قارا قىشتا

357-بەت

قانداق كېيىنكەن بولاتتۇق» ، «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار نام تۇشۇغۇچىلار، شۆھرەت يايغۇچىلار» ، شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارغا ئىشىكىڭنى ئوچۇق تۇت، ھەققىنى بەر، ئىززەت كۆرسەت» دەيدۇ. سودا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قاراقچىلارنى تازىلاشنى دۆلەت باشلىقنىڭ مەجبۇرىيىتى سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. دەھەقىقەت، 1097 - يىلى تاغۇتلار ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولىدىغان سودا يولىنى توسۇپ قويغاندا قاراخانىلار قوشۇن ئەۋەتىپ، يولنى راۋانلاشتۇرغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شەھەر ھاياتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ گەۋدىلەندۈرۈشى، ئۇنىڭ مەرىپەتچىلىك ۋە سودا - تىجارەت ھېرىسمەنلىكى كۆز قاراشلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، تولىمۇ ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن يايلاق مەدەنىيىتى شەھەر مەدەنىيىتىگە ئۆتكەندىن كېيىنكى تىپىك فېئوداللىق يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنىڭ ئىدېئولوگىيىدىكى نامايەندىسى بولۇپ مەيدانغا كەلدى، بولۇپمۇ شەھەرلەرنى ھالقا قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلەر زەنجىرى مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ تەپەككۇر كرىستالى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى.

6. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىقتىسادىي تۇرمۇش مەسىلىلىرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ دۆلەت ۋە خەلق ھاياتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئەھمىيىتىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ۋە يېتەرلىك تەكىتلىگەن. ئۇ خەلق ئىگىلىكى ئىقتىسادىي - مالىيە مەسىلىسىنىڭ يالغۇز دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتا، دۆلەتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى بېيىتىشتا غايەت زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ قالماستىن، يەنە ھەربىي ئىشلاردىكى ئەھمىيىتىنى

358-بەت

تەكتلىمىگەن. ئۇ ھەتتا تەركىيدۇنيالىق تەرەپدارى زاھىت ئودغۇرمىشنىمۇ ماددىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنكار قىلغان ھالدا ياخشىلىق، خەير - ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ماددىي بۇيۇملارنى بۇزۇپ - چېچىشنى ئاپەتلىك بېشارەت سۈپىتىدە قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ داستاننىڭ 3039 - ، 3042 - ، 3044 - بەيتلىرىدە مۇنداق يازغان:

ئادىن ئىككى نەڭ ئول بۇ ئەل تۇترۇقى بىرىسى ساۋ ئالتۇن قىلىچ بىر تاقى [ئىككى نەرسە دۆلەت تۇتۇش يولىدۇر، بىرىدۇر ساپ ئالتۇن، بىرى تىغ ئۆتكۈر.] ساۋ ئالتۇن بىلە بەرتسە بەگلەر ئېلىك قىلىچسىز تىلى بىرلە ئەزرەر ئەلىك [ساپ ئالتۇن بىلەن بەگ سۇنسا قولىنى، قىلىچسىز، سۆزبىلە سورار ئېلىنى.] ساۋ ئالتۇن يازار ئول تۈگۈلمىش كىشىگ ساۋ ئالتۇن ئەتەر ئول بۇزۇلمىش ئىشىگ [تۈگۈلگەن قاپاقنى ساپ ئالتۇن ئاچار، ئەگەر ئىش بۇزۇلسا ساپ ئالتۇن تۈزەر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاننىڭ 2057 - ، 2058 - ، 3030 - ، 3031 - بەيتلىرىدە، توپلانغان مەبلەغنىڭ دۆلەت قوشۇنلىرىنى باشقۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، 3075 - ، 3076 - بەيتلەردىن تەشكىل تاپقان رۇبائىيسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدا مۇنداق مېتافورا ئىشلىتىدۇ:

ئازۇن فەيلەسۇفى نەڭى بولماسا نەچە تىلدام ئەرسە كىشەدى تىلىگ [جاھان پەيلاسوپى بولمىسا مېلى، نەچە بولسا سۆزمەن، كېكەچتۇر تىلى.]

359-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مالىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا كىرىم — چىقىمنىڭ ھالال ۋە ئۆزئارا مۇناسىپ بولۇشىنى، دۆلەت مالىيەسى ئۈستىدە بېخىللىق قىلماسلىق، ئىسراپچىلىق قىلماسلىقنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ داستاننىڭ 4538 — بېيىتىدا مۇنداق يازغان:

كىرىشكە ياراشى چىقىش قىل ياقىن چىقىش بولسا تېكىن كىرىشكە باقىن [كىرىمگە يارىشا چىقىم ئېيلىگىل، چىقىم بولسا، دەرھال كىرىم يولىن قىل.]

ئۇ داستاننىڭ 2800 — بېيىتىدا مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان:

ئاقلىق ئېدى كەد ئانى قودماغۇ كىشى نەڭى بىرلە ئاقى بولماغۇ [ سېخىيلىق بەك ياخشى، تاشلىماس كېرەك، لېكىن خەلق مېلى بىرلە قىلماس كېرەك.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاننىڭ 2801 — 2806 — بېيىتلىرىدا بازار مۇقىملىقى، سودا ھالاللىقىنى تەكىتلىسە، 5573 — بېيىتىدا پۇلنىڭ ساپلىقى، پۇل مۇئامىلىسىدىكى ئىناۋەتنى تەكىتلىگەن. ئۇ داستاننىڭ 2037 —، 2812 — بېيىتلىرىدا، دۆلەت بېگىنىڭ خەلق ئالدىدا ئىناۋەتسىز «يالغانچى خان» بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئېغىر بۇھراننىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ 5575 — بېيىتتا مۇنداق يازغان:

بىرىسى ئەلگدە ئارغ تۇت كۆمۈش ئەييارىن كۆدەزگىل ئاي بىلىكى ئۆكۈش [بىرى ئۆز ئېلىڭدە كۆمۈشنى پاك ئەت، ئەي بىلىمى كۆپ ئەر، ساپلىقىن كۆزەت.]

360-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ 2839 - ، 2841 - ، 2842 - ، 2971 - بېيىتلىرىدا ئەمگەكنى ئۆمۈر گۈلى سىياقىدا ماختاپ ، ئەگەر ئېچىنىش توغرا كەلسە ئۆتكەن ئۆمۈرگە ئەمەس ، بەلكى ئونىڭ ئەمگەكسىز ئۆتكىنىگە ئېچىنىش لازىملىقىنى تىلغا ئالىدۇ . ئۇ 3551 - بېيىتتدا ئەمگەك بىلەن بەختنى سەۋەب - نەتىجە ئورنىغا قويىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن مۇتەپەككۇر «ئەمگەككە قاراپ ھەق بېرىش» پىرىنسىپىنى شەرھلەپ ، داستاننىڭ 2974 - ، 2982 - بېيىتلىرىدا مۇنداق جاكارلايدۇ :

توسۇلار تۈگۈنچە ئاچىغۇ كېرەك تاپىمىش تېگى ھەق تەگۈرگۈ كېرەك [كىرىمگە باراۋەر قول ئاچماق كېرەك ، بېجىرگەن ئىشقا تەڭ ھەق بەرمەك كېرەك .] تاپۇغقا كۆرۈ بەرگۈ ئەدگۈ ئاچىغ يالىغانى پۈتۈرگۈ تودۇرغۇ ئاچىغ [شۇڭا ، ئىشقا كۆرە ھەقنى بەركۈلۈك ، يالاڭغا كىيىم ، ئاچنى تويغۇزغۇلۇق .]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، بۇ نۇقتىنى گۇمانىزم ۋە راتسىئونالىزم روھىدا ھەل قىلغان . ئۇ داستاننىڭ 2985 - ، 2986 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ :

كىشى ئەمگەك ئېتىسا كىشى ئورنىغا يانۇتى كىشىلىك قىلۇر ئورنىغا [كىشىگە قىلسا گەر ، ئەجرىنى كىشى ، جاۋابەن كىشىلىك قىلماقتۇر ئىشى .] كىشى ئەمگەككى بىلىمەگۈچى كىشى كىشى تەپ ئاتاماغۇ يىلقى تۈشى [كىشى ئەمگەكنى بىلمىگۈچى كىشى ، دېيىلمەس كىشى ، ئۇ مالغا ئوخشىشى .]

361-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مالىيە — بوغالتىرىيە تۈزۈمى توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىر قالدۇرغان. ئۇ داستانىنىڭ خەزىنىدار توغرىسىدىكى پۈتۈن 35 — بابىدا بۇ ھەقتە توختالغان. ئۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنى: — خەزىنىچىنىڭ كۆڭلى توق، خىيانەتتىن يىراق بولۇشى؛ — ھاراق — شارابتىن ۋە بىخۇدلۇقتىن، قۇنتۇغاقلىقتىن يىراق بولۇشى؛ — بېخىللىق بىلەن لايىقىدا يوللۇق چىقىم قىلىشنى بىرلەشتۈرۈلۈشى؛ — ھېسابقا ماھىر ھەم ئىنچىكە بولۇشى؛ — ھېساب دەپتىرىگە يېزىش ۋە ئۇنى يەنە ھېسابات قىلىپ تۇرۇشى؛ — مالىيە ئەھۋالىنى بازار ۋە ئېگىلىك ئۆزگىرىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىش ئېلىپ بېرىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇنىڭدىن توققۇز ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان خەلق ئېگىلىكى ۋە مالىيە — ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى قاراشلىرى مەزمۇن جەھەتتىن ھېلىمۇ ئۆز دەۋرىمىز ئالاھىدىلىكلىرىگە بېقىندۇرغان ھالدا ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە موھتاج. ئۇنىڭ «ئەمەگەككە قاراپ ھەق بېرىش» توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرى مۇتەپەككۇرنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيە تارىخىدىكى يەنە بىر ئۇلۇغۋار تەپەككۇر جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ.

7. «قۇتادغۇبىلىك»تە دۆلەتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى پاراۋان قىلىش تەشەببۇسلىرى

«قۇتادغۇبىلىك»تىن ئىبارەت كۆپ قىرلىق گۆھەر تاش يەنە بىر قاراشتا دۆلەتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى پاراۋان قىلىش توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھات پروگراممىسىغا ئوخشايدۇ.

362-بەت

ئۇ سىنىپ - تەبىقىلەرنى ئۆزگەرمەس، قاتمال نەرسە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى نىسپىي مەنەدە، ئۆزگىرىدىغان، ئورۇن ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان نەرسە سۈپىتىدە ئىزاھلىغان. ئۇ ئالدى بىلەن زالىملارنى چېكىلەش ۋە نامراتلارنى يۆلەش تەشەببۇسىنى كۈچەپ تەشغىپ قىلغان.

ئۇ داستاننىڭ 5241 — 5244 — بېيىتلىرىدا پادىشاھنى تۈپۈككە ئوخشىتىپ، خەلق ھالىتىدىكى ئېزىلىش، يوقسۇزلۇق، ئاچ — يالىڭاچلىق ئىللەتلىرىنى پادىشاھنىڭ داۋالىشى لازىملىقىنى، بولمىسا، دۆلەتكە پالاكەت يېتىدىغانلىقىنى جىددىي تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق يازغان:

ئاي ئەلىك تۇتاچى سانى سەن بۇ كۈن بودۇن بارچا ئېگلىگ ساڭا مۇڭلۇغۇن [ئېگلىگ سەن تۈپۈككە ئوخشايسەن بۇ كۈن ساڭا موھتاج ئېررۇر ئاغرىق — خەلق پۈتۈن.] قايۇسى كۆتۈرمۈش بولۇر كۈچ ئەرىنچ قايۇسى چىغايلىق بىلە يەر ساقىنچ [بىرى چېكەچ زۇلۇم، بەختى قارادۇر، بىرى يوقلۇق غەمىدە بەندەدۇر.] قايۇ ئاچ قايۇسى يالىنمىش بولۇر قايۇ قادغۇ بىرلە ئۆلۈنمىش بولۇر [ بىرى ئاچ، ئۇ بىرى يالىڭاچ يۈرۈر، بىرى قايغۇ — غەمدە پىغانلار چىكۇر.] سەنىڭدە تۇرۇر كۆر بۇلارنىڭ ئەمى ئوتاغىل دارۇ بىرلە بولغىل قامى [سېنىڭدە تۇرۇر، كۆر، بۇنىڭ دورىسى، داۋالا بولۇپ سەن ھېكىم — ئۇستىسى.]

ئۇنىڭچە، كەمبەغەلەرنى ئاۋايلاش، ئۇلارنى تەدرىجىي ئوتتۇرا ھاللىققا يەتكۈزۈش، ئوتتۇرا ھاللارنى ئاۋايلاش، ئۇلارنى تەدرىجىي بايئاشاتلىق دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، كۆك پۇقرا ( «قارا

363-بەت

«بودۇن») لارنى بايلىقتىن ئىبارەت قۇدرەت ۋە مۈلۈككە ئېرىشتۈرۈش قاتارلىقلار ھەرقايسى تەبىقىلەرگە قارىتىلغان سىياسەتنىڭ نىشانى قىلىنىشى لازىم ئىدى. ئۇ داستاننىڭ 5566 - ، 5567 - بېيىتلىرىدا كەمبەغەللەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، كەمبەغەللەرنى ۋە ئوتتۇرا ھال تەبىقىنى بېيىتىش تەشەببۇسىنى مۇنداق تىلغا ئالدى:

چىغايىغ كۆدەزگىل تۆرتۈ بولۇر بۇ تۆرتۈ بىرەر تىنسا بايلىق بولۇر [كۆزەتسەڭ يوقسۇلنى ئۇ ئوتتۇرا بولۇر، بىر ئاز تىنسا ئوتتۇرا، ئۇ بايلىق تاپۇر.] چىغاي ئوتتۇرا بولسا بۇ ئوتتۇرا بايدۇر بايۇسا بۇ ئوتتۇرا ئەلىك باي بولۇر [يوقسۇل ئوتتۇرا بولسا، بولۇر ئوتتۇرا باي، ئوتتۇرىلار بېيىسا بۇ ئەل بېيىغاي.]

سىنىپىي زۇلۇم، تەبىقچىلىك تۈزۈمى، ئاقسۆڭەكلىك كىبىرى، دىنىي ھىيلە ۋە ھەر خىل چىرىكلىك يەر - زېمىننى نالىگە سېلىۋاتقان فېئوداللىق جەمئىيەتتە خەلقنى قاششاقلىق - گادايلىقتىن قۇتقۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك بېيىش يولىغا باشلاش تەشەببۇسى مۇتەپەككۇرنىڭ يەنە بىر ئاجايىپ چاقناق تەپەككۇر دۇردانىسىدۇر. بۇنىڭ ئەينى زامان رېئاللىقىدا «چاققاق چۆكۈن»، «قائۇغاق ئىت» لار ھۇجۇمىدا ئەمەلگە ئاشماسلىقىنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ، بۇ تەپەككۇر دۇردانىسى ئۆزىنىڭ ئىلغار ۋە ئىجادىيلىقى بىلەن بىزنى پەخىرلەندۈرىدۇ.

8. قىسقىچە يەكۈن

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت ۋە قانۇنشۇناسلىق، جەمئىيەت ۋە خەلق ئېھتىياجى توغرىسىدىكى سىياسىي - ئىجتىمائىي

364-بەت

پەلسەپىۋى تەشەببۇسلىرىدا ئەڭ كەم دېگەندىمۇ بەش نۇقتىلىق ئالىي ھىممەت ۋە ئاجايىپ غەيرەتلىك يېڭى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار:

— ئوتتۇرا ئەسىر زۇلمى، جاھالىتى، ھاكىممۇتلەقلىقىنى پاش قىلىش، تەنقىدلەش، ئىنسانپەرۋەرلىك، راتسىئونالىزملىق پىكىر ئوقۇنۇشىنى كەڭ يېيىپ، ئەقىل ۋە ۋىجداننى ئويغىتىش؛ — خەلق بىلەن پادىشاھ ئالدىدا مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپە دائىرىسىنى بەلگىلەپ، خەلق ۋە قانۇن نوپۇزىنى پادىشاھ ۋە دىن نوپۇزىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق چەكلىمە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىقنى چەكلەيدىغان «كونستىتۇتسىيىلىك مونارخىيە» تۈزۈمىنى دەۋەت قىلىش؛ — ھەممە كىشىنىڭ سىنىپ ۋە مىللىتىدىن ھالقىغان ھالدىكى قانۇن ئالدىدا مۇتلەق باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش؛ — ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەمگەككە قاراپ ھەق بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ — كەمبەغەللەرنى يۆلەپ، دۆلەتنى كۆچەيتىپ، خەلقنى ئورتاق بېيىتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەرىنىڭ XI ئەسىردىكى مۇھىتتا مەشھۇر «شەرق غايىۋى دۆلەت» ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭ قۇۋۋەتتىن تارتىپ كونترول سىستېمىسىغىچە پۈتۈن مودېلىنى سىزدى. ئەگەر گرېك تەپەككۇرى تەسىرىدىكى فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر» (مەدىنە تەل فازىلە) ئەندىزىسىنى ھېسابلىمىغاندا، شەرقتە، ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە مۇنداق پادىشاھ ھوقۇقىنى خەلق ۋە قانۇن ئاستىغا قويىدىغان غايىۋى دۆلەت ۋە كامالەتلىك جەمئىيەت مودېلى مەيدانغا كەلمىگەندى. بۇ ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مەدەنىيەت تىپىدىكى سىياسىي — ھوقۇق غايىلىرىنى گەۋدىلەندۈردى. غەرب پلاتوننىڭ قۇلدارلىققا ئاساسلانغان غايىۋى دۆلەت قارىشىدىن تاكى توماس مورغىچە

365-بەت

مىڭلارچە يىللار بۇ خىل پىكىر شەكىلدىن خالىي بولۇپ كەلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىياسىي — ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرى قىسمىنىڭ جەھەتتىن مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەنىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇغرا قاراخان تەرىپىدىن مۇتەپەككۇر خاس ھاجىپلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇئەييەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي يۈكسىلىشلەر مەيدانغا كەلگەنىدى. بىراق، ئومۇمىيلىق جەھەتتىن بۇ كۆزقاراشلار تېخى رېئالىستىك ئەمەس، بەلكى خىيالىي (ئۇتوپىك) كۆزقاراش ئىدى. بىز «قۇتادغۇبىلىك» مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئەھمەد ئىبنى ھەسەن ئارسلانخان (ھارۇن بۇغراخان III) ، ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد زامانىدا ھېچقانداق ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرمەيمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلكى فېئوداللىق شارائىتتا ئوتتۇرىغا قويغان خەلقنىڭ بەخت — سائادىتى، دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنغۇچى ئادالەتلىك پادىشاھ ۋە پاك ئەمەلدارلار كۆز قارىشى ئۆزىنىڭ خىيالىي خاراكتېرى تۈپەيلى مۇتەپەككۇرغا ئېغىر ئۈمىدسىزلىك ھېسسىياتلىرىنى بېغىشلىدى. ئۇ ئۆز داستانىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قوشۇمچە سۈپىتىدە يازغان «يۈسۈپنىڭ ياشلىققا ئېچىنىپ قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى بايانىدا»، «زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى بايانىدا» دېگەن بابلىرىدا، مانا مۇشۇ ئۈمىدسىزلىك قەسىدىسى شەكىلى بىلەن ئىپادىلەنگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنداق ئۈمىدسىزلىككە مۇپتالا بولۇشى ئەينى زامان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسى تەرىپىدىن تارىخىي يوسۇندا بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار، خىيالىي غايىلىرىنىڭ تارىخىي تراگېدىيىسى ئىدى. بۇ ھال ئاپتورنى بىزگە يېقىنلاشتۇرىدىغان يەنە بىر قىممەتلىك ئامىل.

366-بەت

بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىنىڭ بۇ تارىخىي تىراگېدىيىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدا فارابىنىڭمۇ، ئەلىشىر نەۋائىينىڭمۇ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئەسىر خىيالىي - غايىۋى ئېنتىلمىش ئەزىمەتلىرىنىڭمۇ شۇنداق تارىخىي تىراگېدىيىسى نامايان بولىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىۋاسىتە داۋامى ھېسابلانغان ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» داستانىدا شائىر خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك زامانىنىڭ بوزۇلغانلىقى، ئادالەت، ئىنساپ ۋە ساداقەتنىڭ قالمىغانلىقىنى شىكايەت قىلىدۇ. بۇ ھال يۈسۈپ خاس ھاجىپ سىياسىي - ئىجتىمائىي كۆزقاراشلىرىنىڭ ئابىستراكت، خىيالىي خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەت مۇھىتىدىكى تارىخىي پاجىئەسىنى تەستىقلايدۇ.

ئىزاھلار:

[1] مونتېسكيۇ - فرانسۇز مەرىپەتچىسى، بۇرژۇئازىيە جەمئىيەتشۇناسى. ئۇ تەبىئەت قانۇنلىرىدەك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانۇنى بولىدۇ. مۇشۇ قانۇنلار بويىچە جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك. باراۋەرلىك - ئىنساننىڭ تەبىئىي ھوقۇقى، جەمئىيەتنى تۈزۈشتىكى ئاساسىي كاتېگورىيە، دەپ قارىغاندى. ئۇ ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمنى غايىۋى ھاكىمىيەت شەكلى، دەپ ھېسابلانغان.

[2] ۋولتېر - فرانسۇز مەرىپەتچىسى، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى تەرەپدارى، فرانسۇز بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ قەدىمىي پېشۋالىرىدىن بىرى، ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمى، ھەتتا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ تەرەپدارى.

[3] ژان. ژاك رۇسسو فرانسۇز مەرىپەتچى پەيلاسوپى - پېداگوگى. شۆھرەت سانائەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھېسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىشتىن، ئېتىقادنى ئەقىلدىن ئۈستۈن بىلگەن. خەلق ھوقۇقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ كىشىلىك

367-بەت

ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغاندا ھاكىممۇتلەقلىققا قارشى كۆرەش ھوقۇقىنى قوغداپ چىققان. خانلىق بىلەن خەلق ئارىسىدا «ئەھدە» بولۇش لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان.

[4] «مانۇ قانۇنى» - مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى II ئەسىردە مانۇنى كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرسىز تەبىقىلەرنى قانۇنلاشتۇرۇپ تۈزگەن قەدىمكى ھىندىستان قانۇنى.

[5] «خاممۇراپى قانۇنى» - مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1792 - يىلدىن 1750 - يىلىغىچە ياشىغان بابىل پادىشاھى خاممۇراپىنىڭ قۇلدارلارنىڭ مەركەزلەشكەن ھەربىي ھاكىممۇتلەق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېلان قىلغان قانۇنى.

[6] «سولۇن قانۇنى» - مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 638 - 559 - يىللىرى ياشىغان ئافىنا شاھى سولۇننىڭ 594 - يىلى تۈزگەن دېھقانلارنىڭ زىمىنىدىكى قەرزلىرىنى بىكار قىلغان، كىرىمگە قاراپ سىنىپ بەلگىلىگەن، ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن، ئافىنانىڭ تاشقى سودىسىغا ئىلھام بەرگەن قانۇنى. سولۇن سىياسىي ئىسلاھاتچى ۋە شائىر بولغان.

[7] «ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم» (كونستىتۇتسىيىلىك مونارخىيە) - فېئودالىزمنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بىلەن كاپىتالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا (بەزى دۆلەتلەردە شەكىلەن كېيىنكى باسقۇچلاردا) ساقلانغان دۆلەت شەكلى. ئۇ پادىشاھلىق بىلەن ئاساسىي قانۇنلۇقنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت (رېسپوبلىكا) بولمىغان پادىشاھلىق شەرتى ئاستىدىكى ئاساسىي قانۇنچىلىقنى كۆرسىتىدۇ.

[8] «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» - 1775 - 1783 - يىللىرى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيەنىڭ 13 مۇستەملىكىسى تۈزۈمىگە قارشى ئېلىپ بارغان جەڭلەر ئاساسىدا مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ بۇ خىتابنامىنى ئېلان قىلغان.

[9] «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» - مونتېسكيۇ، رۇسسو ئىدىيىسى تەسىرىدە 1789 - يىل 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى…

368-بەت

غەلىبە قىلغان فرانسۇز بۈيۈك ئىنقىلابى «كىشىلىك ھوقۇقى ۋە گراژدانلىق ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلدى. 17 ماددىلىق بۇ تارىخىي ھۆججەت زۇلۇمغا قارشى، ئىنساننىڭ تەبىئىي باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ياقلاپ چىقتى.

[10] «مەدەنىيەت تىپى» ئىبارىسى بۇ كىتابتا «مەدەنىيەت چەمبىرى» (مەلۇم ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي مەدەنىيەت چەمبىرى، بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئوخشىشىپ كېتىشى ياكى ئورتاقلىقىغا ئاساسلانغان رايون خاراكتېرلىك ياكى دىنىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت چەمبىرى) مەنىسىدىن باشقا يەرلىك ياكى دۇنياغا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت تىپى مەنىسىدە، ئۇنىڭدىن باشقا ئالەم ۋە ئىنسانىيەت قاراشلىرى بويىچە شەكىللەنگەن بىر سىستېمىلىق ئېتنولوگىيىلىك مەدەنىيەت تىپى مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. ھەر قانداق مەدەنىيەت تىپى تۈپى ئالەم ۋە كىشىلىك قارىشىنى ئوق قىلىپ، ئائىلە — نىكاھ، سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي — ھوقۇقى قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋىلىككە، ئىزچىللىققا، قوغدىنىشقا ۋە رىقابەتلىشىشكە قادىر بولىدۇ. ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقاندا توقۇنۇشىدۇ ۋە مەدەنىيەت تىپى ئۆزىكى (يادروسى) لايىق تاپقان تەسىرنى ئۆزگەرتىپ قوبۇل قىلىدۇ. ئارىلاشما ھالەت ئۇزۇن سوزۇلماي ياكى قېقىپ چىقىرىش، ياكى گۈزەللەشتۈرۈش (ئاسسىمىلياتسىيە) بىلەن ئەنئەنىۋى ئىزچىللىقنى بېيىتىدۇ، راۋاجلاندۇرىدۇ.

[11] «سودا — تىجارەت ھېرىسمەنلىكى» — سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىدە سودا — تىجارەتنى دېھقانچىلىقتىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان، سودا — تىجارەت ئارقىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھۈنەرۋەنلىكنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، دەيدىغان قاراش.

369-بەت

VII باب «قۇتادغۇبىلىك»تە ئەخلاقشۇناسلىق مەسىلىلىرى

«بېش كۈنلۈك گۈل گۇيا ئۆمۈر چاغىمىز، كۆڭۈل ۋە ئەدەپتۇر كۆركەم باغىمىز.» — ھافىز شىرازى

1 . «قۇتادغۇبىلىك»تە ئەخلاقشۇناسلىق مەسىلىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى

كارل ماركس مۇنداق دەيدۇ: «ئەخلاقنىڭ ئاساسلىنىدىغىنى ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولۇپ، دىننىڭ ئاساسلىنىدىغىنى ئىنسانىيەت روھىنىڭ غەيرىي قانۇنىدۇر.»①

«قۇتادغۇبىلىك»نى دىداكتىك ئەسەر دېگۈچىلەر گەرچە «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە بويىچە كەڭ تېماتىك مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەخلاقشۇناسلىق جەھەتتىكى مۇھىم تېماتىك مەزمۇنىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئىنساندىكى ئەخلاقىي ئاڭ قۇرۇلمىسى

① «ماركس — ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، خەنزۇچە، 1956 - يىل نەشرى، 1 توم، 15 - بەت.

370-بەت

مەسىلىلىرى كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتقان .

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقشۇناسلىق كۆز قاراشلىرى ئۇنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى جەھەتتىكى پانتېئىزملىق نۇقتىئىنەزىرى ، نادانلىققا قارشى راتسىئونالىزملىق بىلىش نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارالغان ئىنسانپەرۋەر كىشىلىك قارىشى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، ئۇ ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت قاراشلىرى ۋە غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرىغا خىزمەت قىلاتتى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقشۇناسلىق قاراشلىرى ئەينى زاماندا كۆچۈپ تەرەققىي قىلىنغان دىنىي ئەخلاق ۋە ئەخلاقىي خاراكتېرنىڭ توغرىلىقى توغرىسىدىكى ئۆگۈت — نەسىھەتلەردىن كېسكىن پەرقلىنىش بىلەن بىللە ، يەنە ئەينى زاماندا ئىلغار ئەخلاقىي پىكىر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن ئېتىكىلىق تەلىماتلاردىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنەتتى . ئېيتىش مۇمكىنكى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يىپەك يولى ئوتتۇرا بۆلۈگىدە تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ۋە ھەر خىل دىنىي ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ سەرخىل ئەۋرىشكىلىرى بىلەن ، ئەينى زامان شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشىدا سىنكرېتتىك شەكىل ھاسىل قىلغان ئەخلاقىي قاراشلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، ئۆزىگە خاس ئەخلاقىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى .

ئەخلاق قەدىمكى ئاسىيا يايلاق ۋە شەھەر — قەلئە بوستان جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم تۇرمۇش مىزانى ئىدى . كىشىلەر ياخشى — يامان دېگەن جامائەت پىكرىنى ئاللىقاچان شەكىللەندۈرگەن . ھايۋانلار ، ئۆسۈملۈكلەر ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك ياكى زىيانلىقلىقىغا قاراپ ياخشى — يامان دېيىلەتتى . ھەر خىل ئەھۋاللار ، مۇئەككەللەرمۇ كىشىلەرگە غەمخور ياكى بالايى — قازا كەلتۈرگۈچى ياخشى — يامان كاتېگورىيەسىگە ئايرىلغان . شامان

371-بەت

باخشىلىرىنىڭ ئاساسىي پائالىيىتى ياخشى - يامان دېيىلىدىغان موشۇ چۈشەنچىنى دەۋر قىلىپ ئېلىپ بېرىلاتتى. ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىر خىل ئۆلچەم، كىشىلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىش ئىچىگە، ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىچىگە ئايلانغانىدى.

«كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»دا: «ياغۇق ئېرسەر ئېدگۈ ئاغى بېررۇر» (ياخشىلىق يېقىن تۇرغۇچىنى ئەزىز قىلار) دېيىلسە، گابائىن خانىم ئېلان قىلغان «تۇرپان تېكىستلىرى»دە: «ئېدگۈلۈك يول» (ياخشىلىق يولى) ، «ئېدگۈ ئۆگلى ساقىنچ» (ھەم ياخشى، ھەم دانا پىكىرلەر) ، «ئوقشاتغۇلۇقسىز ئېدگۈلۈك ئومۇغلار» (تەڭداشسىز خەيرىيەتلىك ئۈمىدلەر) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ. «تۆزۈك» ئىبارىسى «ئالتۇن يارۇغ»دا ياخشى مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. گابائىن خانىم يارغۇلدىن تاپقان تېكىستلەردە: «ئېدرەملىگ كىشىلەرنىڭ ئاياغىل» (پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ھامىيلىق قىلغىن) دېيىلگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» ئەخلاقشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەلقىن قىلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ خۇددى فارابىدەك ئەخلاق يېڭى ئەۋلادنى، يېڭى مۇناسىۋەتنى، يېڭى جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشنىڭ مەنىۋى شەرتى ھېسابلىنىدۇ، دەپ بىلەتتى. شۇنىڭدەك، ئەخلاق ئىنسانىي مەلىكە — ئەقىل، بىلىمنىڭ ئەمەلىي گەۋدىلىنىش شەكىللىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايتتى.

[يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئەخلاق مەسىلىلىرىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە قارىتىپ تىلغا ئالدى، ئۇنى ئەخلاقشۇناسلىق پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن ئىزاهلىدى. بۇ ئونى پادىشاھقا، شاھزادىگە ياكى ۋارىسلارغا ئەخلاق ھەققىدە دىداكتىك نەسىھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئەسەرلەردىن ئاجرىتىپ تۇرىدىغان توپ ئالاھىدىلىك ئىدى.]

372-بەت

2. «قۇتادغۇبىلىك»تە ياخشىلىق ۋە يامانلىق كاتېگورىيىلىرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەخلاق مەسىلىسىنى پەندى - نەسىھەت نۇقتىسىدىن ئۆزخانلىق قىلغۇچى ئاپتورلاردىن پەرىقلىق ھالدا، ئەخلاق پەلسەپىسىنىڭ توپ كاتېگورىيىسى ياخشىلىق ( «ئەدگۈلۈك» ، «ئەزگۈلۈك» ) ۋە يامانلىق ( «ئەسىزلىك» ) نىڭ نېمىلىكى، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ تۇغما ياكى ئېرىشىلگەنلىكى، كىشىنىڭ ئىرادە - ئەركىنلىكىنىڭ بولۇش - بولماسلىقى، ياخشىلىقنى ئەمەلدە كۆرسىتىش - پائالىيەتتىكى ياخشىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىزاھلىدى.

★

ياخشىلىق ياكى يامانلىق دېگەن نېمە، ياخشىلىق ياكى يامانلىقتىن ئىبارەت ئەخلاق ئىلمىنىڭ ئاساسىي كاتېگورىيىسىنىڭ كونكىرېت مەزمۇنىنى قانداق ئىزاھلاش لازىم؟ بۇ مەسىلە بويىچە پەلسەپە تارىخىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار مەيدانغا چىققانىدى.

مەلۇمكى، گرېك ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستى پلاتون ( كېيىنچە نېمىس پەيلاسوپى گېگېل ) مۇتلەق «ئىدېئال چۈشەنچە»نى بەخت بېغىشلىغۇچى ياخشىلىق - دەپ ئىزاھلىسا، ئارىستوتېل پلاتونغا زىت ھالدا، ياخشىلىقنى پەقەت ئوتتۇرا قاتلام تەبىقىلەردە بولۇشى مۇمكىن بولغان گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت دەپ ئىزاھلىدى. ئاۋغۇستىن، توماس ئاكىۋىنا [1] قاتارلىق خرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىرى، ئىسلام كالامىزىملىرى ۋە ھەر خىل تەركىدۇنيالىق مۇخلىسلىرى تەڭرىنى، تەڭرىگە سېغىنىشنى، رېئال دۇنيا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئازابلىق

373-بەت

ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى «ياخشىلىق» دەپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىلىم - سەنئەت، جامائەت مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن شۇغۇللىنىشنى «يامانلىق» دەپ ئېلان قىلىشتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەخلاق ئىلمى تارىخىدا بىرىنچى قاتاردا تۇرۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئەخلاق كاتېگورىيىلىرىنى باقىي ئالەم ئەپسانىلىرىدىن پانى - رېئال ئالەمگە يۆتكەپ كېلىپ، ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى جەمئىيەتكە مەنپەئەت بېرىش ياكى زىيان سېلىش، خەلققە مەنپەئەتلىك ئىش قىلىش ياكى زىيانلىق ئىش قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى كۆز قاراش بىلەن خاراكتېرلىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم - پەننى، تۆۋەن قاتلام ئاھالىگە خەيرخاھلىق قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بۇ كاتېگورىيىلەرنى قۇرۇقتىن - قۇرۇق سۆزلىشىشتەك بىھۇدىلىكتىن ساقلاپ قالدى.

ئۇ داستاننىڭ 3270- ، 3271- بېيىتلىرىدا ياخشىلىققا تەبىر بېرىپ مۇنداق يازىدۇ:

تۈزۈ يالگۈق ئوغلى سەۋەر ئەدگۈنى بۇ ئەدگۈ قايۇ ئول ئۆگەيسەن ئانى [پۈتۈن ئادەم ئوغلى سۆيەر ياخشىنى، بۇ ياخشى نېمە ئۇ، مەن ماختاي ئۇنى.] بۇ ئەدگۈ ئول ئول قىلسا خەلققا ئاسىغ بۇ ئاسىغ بىلە بولسا بودنى تاتىغ [خەلققە بېرىش نەپى - ياخشىلىق ئېرۇر، . بۇ نەپى بىلە خەلقى تاپقاي ھۇزۇر.]

داستاننىڭ 3933- ، 3935- بېيىتلىرىدا بۇ پىكىر مۇنداق تەكرارلىنىدۇ:

374-بەت

باغىرساق ئول ئەرمەز ئۆزىن بەكلەسە باغىرساق ئول ئول كۆر كىشىگ ئەدلەسە [كۆيۈمچان ئەمەس ئۇ ئۆزىنى دېگەن، كۆيۈمچان شۇكى، ئەل نەپئىن ئىزدەگەن.] كىشى ئەدگۈ تەرلەر بۇ ئەدگۈ كىم ئول بۇ ئەدگۈ كىشى مۇڭدا ئەركە ئەم ئول [كىشى ياخشىسى دەر، كىمدۇر ئۇ ياخشى، كىشى دەردىگە داۋا بولسا، شۇ ياخشى.]

داستاننىڭ 3245 _ ، 3248 _ بېيىتلىرىدا مۇئەللىپ يەنە مۇنداق جاكارلايدۇ:

كىشى ئەدگۈسى بۇ ئۆز ئاسغىن قودۇپ كىشى ئاسغى قولسا كۆر ئەممەك يۈدۈپ [كىشى ياخشىسى ئۇ ئۆز نەپئىن قويۇپ، بۆلەكلەر نەپئىچۈن مۇشەققەت يۈدۈر.] كىشكە توسۇلۇر كىشى ئەدگۈسى بۇ ئەدگۈ كىشى ئول بودۇن تودغۇسى [كىشى ياخشىسى ئەلگە پايدا بېرەر، بۇ ياڭلىغ كىشىلەر خەلققە زۆرۈر.]

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 1982 _ ، 4465 _ ، 4467 _ بېيىتلىرىدا، ياخشىلىق كىشى ھاياتىدىكى كۈندىلىك ۋە ئۆمۈرلۈك زۆرۈرىيەت بولغان يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتەك مۇھىم ئورۇنغا، ھەتتا بۇ ھاياتنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئۆمۈر كۆرۈشتىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈپ مۇنداق تەكىتلەنگەن:

نە ئەدگۈ تۆرۈر بۇ قىلىنچ ئەدگۈسى قىلىنچ ئەدگۈ ئەركە يەگۈ كەدگۈسى

375-بەت

[بۇ ياخشى قىلىق ئو ئەجەب ياخشىدۇر، كىشىگە يېمەك ھەم كىيىمدەك زۆرۈر.] تىرىگلىك تىلىمە ئات ئەتگۈ تىلى ئات ئەتگۈ كېرەك بۇ تىرىگلىك بىلە [تىرىگلىك تىلىمە، ياخشى نام تىلى، بولۇر ياخشى نام بۇ تىرىگلىك بىلە.] كىمنىڭ ئاتى ئەسىز بولۇپ قارتاسا ئاڭار يەر كى ئول تىرىگ تۇرماسا [يامانلىق بىلە كىم ئېتىن داغلىسا، ئۇڭا ياخشىراقتۇر تىرىگ تۇرمىسا.]

★

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تۇغما ھاسىل نەرسىمۇ ياكى كىشىنىڭ ھايات يولىدا ئۆز ئىرادىسى مەيلىگە (ئەركىنلىكىگە) ئاساسەن ئېرىشىلىدىغان نەرسىمۇ، دېگەن مەسىلىنى ئىزاھلىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەسىلىدە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە بىلىش نەزەرىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بىردىنبىر ئەخلاق ۋە مائارىپتىن ئىبارەت بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەسىلىگە نىسبەتەن ئۆزىدىكى ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستىك ئىجتىمائىي چۈشەنچىلىك كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

مەلۇمكى، ئادەم تۇغۇلۇشتىن ياخشى ياكى يامان ئەخلاقىي پەزىلەتكە باقىمەندە بولامدۇ - يوق، دېگەن مەسىلە مەيلى غەرب ياكى شەرقته بولسۇن قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر داۋامىدا ئەخلاق پەلسەپىسى بويىچە ئۈزلۈكسىز مۇھاكىمە قىلىنىپ كەلگەن بىر تېما ئىدى.

جۇڭگودا كۈڭزى رايىشچىلار ئېقىمىدىكى مۇتەپەككۇلار،

376-بەت

بۇلۇپمۇ مېڭ زى[2] ئادەمنىڭ ياخشى خاراكتېرلىك بولۇشى تۇغما بولۇپ، يامانلىق مەيلىگە بېرىلىشتىن كېلىپ چىققان، دېسە، شۈن زى[3] ۋە خەن فېي[4] باشچىلىقىدىكى مۆتەپەككۇرلار ئادەمنىڭ يامان خاراكتېرلىك بولۇشى تۇغما بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت، دەپ قارايتتى.

قەدىمكى گرېتسىيىدە پلاتون ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى — يېڭى پلاتونىزمچىلار[5] ئەخلاق مەسىلىسىنى تۇغما، ئىلاھىي نەرسە سۈپىتىدە ئىزاھلاشتى. گەرچە ئارىستوتېل ئەخلاقنى بىر خىل مۇمكىنلىك، ئۇنى ئىنساننىڭ ئۆز پائالىيىتى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە ئەخلاق سىنىپى دەرىجىگە باغلىق، مۇنداق سىنىپى دەرىجە مەڭگۈلۈك بولىدۇ، پەقەت ئوتتۇرا قاتلام ئاھالىدىلا ئەخلاق ئۆزىنىڭ ياخشىلىق ئىپادىلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ، دەپ قارىدى. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسا ئەخلاق دىنىي — ئىلاھىيەتلىك تەرىزدە ئىزاھلانغاچقا، تولىمۇ سىرلىقلىشىپ كەتتى.

ئەخلاقنىڭ تۇغما ئەمەسلىكى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىرىمۇ تۇغما ئەمەسلىكى ناتۇرال پانتېئىزمچىلىق پەلسەپىۋى سىستېمىسىنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇ نەسر فارابى تەرىپىدىن روشەن ھەل قىلىنغانىدى. فارابى ئەخلاقنىڭ ئەمەلىي — ئىجتىمائىي خاراكتېرىنى ئېنىق مۇقىملاشتۇرۇپ، دىنىي — خۇراپىي ئەخلاقىي كۆز قاراشلار بىلەن ئىلمىي ئەخلاقىي كۆز قاراشلارنىڭ چىگراسىنى ئاجراتتى. شۇنىڭدەك، ئەخلاقنىڭ بىلىم ۋە ئەركىن تاللاش، ئادەتلىنىش، مەشىق قىلىش ئاساسىدا ياخشى ياكى يامان سۈپەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. فارابىچە، كىشى ئۆز ھاياتىدا ئېرىشكەن ئەخلاقىي سۈپەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ قادىر ئىدى. فارابى مۇنداق دەپ يازغان: «بىزچە، خوش تەرتىپ ۋە تەرتىپسىزلىككە ئوخشىغان بارلىق ئەخلاقىي سۈپەتلەر ئېرىشىلگەن بولىدۇ… كىشىنىڭ ئەخلاقى

377-بەت

سۈپەتلىرىگە ئېرىشىشى ياكى بىر خىل ئەخلاقتىن باشقا بىر خىل ئەخلاققا ئۆتۈشى… ئادەتلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھالدا، ئادەتلىنىش ۋە پىكىر قىلىش تەسىرىدە، ھەرقانداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۆزۈنچە تەكرارلىنىشى بىلەن باغلىق ھالدا يۈز بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گۈزەل ئەخلاقمۇ ئادەتلىنىش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ①، «ئادەمگە تەبىئىتىدىن باشتىلا ئارتۇقلۇق ياكى كەمچىلىك تەقسىم قىلىنمىغان. ئۇنىڭغا تۇغما مىجەزلىك ياكى بايكارلىق بېكىتىلمىگەن»② . فارابىنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشى ئونىڭ قاراشلىرى، ئالدى بىلەن ئېبىن سىنا ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ئېبىن سىنا «ئالىم»، «سالىم (ساغلام)»، «سالىم (پەزىلەتلىك)» چۈشەنچىلىرىنى «جاھىل (نادان)»، «خەستە (كېسەل)»، «بۇزۇق» چۈشەنچىلىرىگە زىت قويۇپ، تەلىم ئارقىلىق جاھىل ئالىمغا، داۋالاش ئارقىلىق خەستە ساغلامغا، تەربىيە شارائىتىدىن بۇزۇق سالىمغا ئايلىنىشى مۇمكىن، دەپ قارىغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەخلاق مەسىلىسىدە مۇشۇنداق «ئىنساننىڭ تۇغما ئەزگۈلۈكى» كۆز قارىشىدىنمۇ، شۇنىڭدەك «ئىنساننىڭ تۇغما ئەسكىلىكى» كۆز قارىشىدىنمۇ، پلاتوننىڭ ياخشى — يامان پەزىلەتلەر تۇغما بولىدۇ، دېگەن كۆز قارىشىدىنمۇ، فارابىنىڭ ياخشى — يامان پەزىلەتلەر ئېرىشىلگەن بولىدۇ، دېگەن كۆز قارىشىدىنمۇ پەرقلىق بولغان ئىككى تەرەپلىمە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.

ئۇ داستانىنىڭ «كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەت سۈپەتلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق 17 — بابىدا، خېلى

① فارابى: «ئىجتىمائىي ئەخلاقىي رسالىلەر»، رۇسچە نەشرى، 12 — بەت.

② يۇقىرىقى كىتاب، 180 — بەت.

378-بەت

كەڭ سەۋەپ ئارقىلىق «ياخشىلىقمۇ تۇغما ۋە ئېرىشىلگەن ئىككى خىل بولىدۇ، يامانلىقمۇ تۇغما ۋە ئېرىشىلگەن ئىككى خىل بولىدۇ» دەيدىغان ئۆزىگە خاس كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 873-، 874-، 875-، 876-، 877-بېيىتلىرىدا كۈنتۇغدى ئېلىگ تىلىدىن «تۇغۇلۇشتىن ياخشى بولۇش ۋە تەسىرلىنىپ ياخشى بولۇش»، «تۇغۇلۇشتىن يامان بولۇش ۋە تەسىرلىنىپ يامان بولۇش» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

بىر ئەدگۈ بولۇر كۆر ئانىدىن تۇغۇپ، يۇرەر ئول كۈنى چىن كۆر ئەدگۈ بولۇپ. [بىرىدۇر ئانىدىن ياخشى تۇغۇلۇپ، يۈرەر ئۇ دۇرۇس ۋە ياخشى بولۇپ.] تاقى بىرى ئەدگۈ كۆر ئۆتگۈنچ بولۇر، ئەسىزگە قاتىلسا ئول ئەسىز قىلۇر. [بىرى دورىماق بىرلە ياخشى بولۇر، يامانغا قوشۇلسا، يامانلىق قىلۇر.] ئىكى تۈرلۈك ئول كۆر بۇ ئەسىز يەمە، ئۆكۈنى بىر تەپ ئەسىزگە ساما. [يامانمۇ ئىككى خىل بولۇر دائىما، ئىككى خىل ياماننى بىر دەك سانىما.] تۇغۇ ئەسىز ئول كۆر مۇنىڭدا بىرى، بۇ ئەر ئۆلمەگۈنچە ئارماز كسرى. [يامان بوپ تۇغۇلۇر ئۇنىڭدىن بىرى، بۇ ئەر ئۆلمەگۈنچە ئايرىلماس كېسىلى.] تاقى بىرى ئۆتگۈنچ بولۇر بۇ ئەسىز، ئەشى ئەدگۈ بولسا تۈزەر بۇ ما ئىز. [يەنە بىرى دوراپ يامانلىق قىلۇر، ئەشى ياخشى بولسا، ئۇ ياخشى بولۇر.]

379-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنىڭغا «تۈركىي ماقال» سۈپىتىدە ھازىرمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە قوللىنىلىدىغان «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. بىراق يۈسۈپ خاس ھاجىپ، قانداق ياخشى ياكى يامان سۈپەتلەرنىڭ تۇغما ياكى ئېرىشىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭدا تۇغما ياخشى — يامان سۈپەتلەر دەپ كىشىلەردىكى پىسخولوگىيىلىك مىجەز — خاراکتېرنى، ئېرىشىلگەن ياخشى — يامان سۈپەتلەر دەپ، كىشىلەردىكى ئەخلاقىي ئالامەتلەرنى نەزەردە تۇتقانمۇ — يوق، بۇ داستان سەھىپىلىرىدە روشەنلەشتۈرۈلمىگەن.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى ياخشى — يامانلىقىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا دۆلەت بېگى، مۆھىت، ئائىلە ۋە تەربىيىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى داستانىنىڭ 871 —، 884 —، 885 —، 893 —، 887 — بېيىتلىرىدا ئالاھىدە تەكىتلىگەن:

بۇ ئەدگۈ كىشىلەر بولۇرمۇ ئەسىز ئەسىز مە ئۆرۈرمۇ كۆر ئەدگۈكە ئۆز [بۇ ياخشى كىشىلەر بولۇرمۇ يامان، يامانلار بولۇرمۇ ياخشى بىر زامان.] قالى ئەدگۈكە بولسا ئەسىز ئەشى ئەسىز بولدى قىلغى ئول ئەسىز تۈشى [ئەگەر ياخشىغا بولسا ھەمراھ يامان، يامان بولغاي قىلغى يامانلار سىمان.] ئەسىزمە قاتىلسا كۆر ئەدگۈ بىلە قامۇغ ئەدگۈلۈككە بۇ بولدى يولا [يامانمۇ قوشۇلسا ياخشىغا بىراق، پۈتۈن ياخشىلىققا تاپار ئۇ چىراغ.] نە ئەدگۈ تۆرۈ ئۆردى بەگلەر بەگى

380-بەت

ئەسەزكە بۇ قىن بەركە زىندان يەگى [نە ياخشى نىزام قويدى بەگلەر بېگى، يامانغا جازا بەردى زىندان تېگى.] بېگى ئەدگۈ بولسا بودۇن بارچا تۈز بولۇر قىلىقى ئەدگۈ يورۇقلىرى ئۈز

  • [بېگى ياخشى بولسا، پۈتۈن خەلقى تۈز - بولۇر ھەم قىلىقى، يۈرۈشلىرى ئۆز.]

★

شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېرىشىلگەن ئەخلاق - پەزىلەت مەسىلىسىدە، شەخسنىڭ ياخشى - يامان يولغا مېڭىشى تەقدىر تەرىپىدىن بېكىتىلمەستىن، ئۆزىنىڭ ئىرادە ئىختىيارلىقى بويىچە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاكتىۋال تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ داستاننىڭ 238 -، 239 -، 244 - بېيىتلىرىدا مۇنداق جاكارلايدۇ:

ئىكى تۈرلۈگ ئات ئول بۇ تىلدە يورۇر بىر ئەدگۈ بىر ئەسز ئاجۇندا قالۇر [كىشىدە ئىككى ئات، بۇ تىلدا يۈرۈر - بىر ياخشى، بىر يامان جاھاندا قالۇر.] ئەسەزكە سۆكۈش ئەدگۈ ئۆگدى بولۇر ئۆزۈڭكە باقا كۆر قايۇسىن قولۇر [يامان سۆكۈلۈر، ياخشىسى ماختىلۇر، قاراپ كۆر ئۆزۈڭگە قايسىسى ياقۇر.] قايۇسىن تىلەسە ئۈدۈركىل بىرىن ئەسز ئەدگۈ بولسا ئۆكۈنمة يارىن [قايۇسىن تىلىسەڭ، بىرىن تاللىغىن، يامان - ياخشىلىققا ئۆكۈنمە كېيىن.]

381-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىدا ئۆز ئىرادە ئىختىيارلىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەسىرىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي كۆز قاراشلىرىنى تەرغىب قىلىشقا، ئىجتىمائىي ئەخلاق، دۆلەت خادىملىرى ئەخلاقى، ئائىلىۋى ئەخلاق ۋە مائارىپ مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا يول ئاچتى.

★

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا ياخشىلىقنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ خەلق قانچە جاپا - مۇشەققەتتە تۇرغان چاغدا ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ياخشىلىق قىلىش («ئەزگۈلۈك قىلۇ»)، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قولى قانچە ئۇزۇن (قۇدرەتلىك) بولغاندا خەلققە مۇتلەق (پۈتۈنلەي) ياخشىلىق قىلىش لازىم، دەپ قارايدۇ. ئۇ داستاننىڭ 227 -، 230 -، 1367 - بېيىتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

قانى ئەدگۈ بولماق تىلەسە ئۆزۈڭ يورى ئەدگۈلۈك قىل كەسەلدى سۆزۈڭ [ئەگەر ياخشى بولماق تىلىسەڭ ئۆزۈڭ، يۈرگىن، ياخشىلىق قىل، قوي ئۆزگە سۆزۈك.] قانى بولسا ئەلىك ئېدۇنقا ئۇزۇن قامۇغ ئەدگۈلۈك قىل قىلىنچىن سۆزۈن [ئەگەر بولسا، خەلق ئۈزره قولۇڭ ئۇزۇن، ئەمەل - سۆزدە قىل ياخشىلىقنى پۈتۈن.] بەلە كۈچ يەرىندە سەنى ئەدگۈ قىلسىن بۇدۇنۇغ سەۋىندۈرگىل ئەلىگىن تىلىن [بالا - زورلۇق ۋاقتىدا قىل ياخشىلىق، تىلىڭ ھەم قولۇڭدىن سۈيۈنسۈن خەلق.]

382-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىقنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە يامانلىق قىلماسلىقنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 1296-، 1297-، 1315- بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

قامۇغ ئەدگۈلۈك قىل ئەسىزدىن يىرا قامۇغ ئەدگۈ كەلگەي سەن ئۆلدۈر تورا [ياماندىن يىراق بول، قىل ياخشىلىق كۆپ، كېلەر ياخشىلىقلار، يا ئولتۇر، يا قوپا.] ئەسسىز ئىشكە ياقما ساڭا قىلغا قور ئەسسىزلىك يىلان ئول سىنى تىككە كۆر [يامانغا يېقىنلاشما قىلغاي زىيان، يامانلىق چاقار ئۇ بولۇپ بىر يىلان.] كىشى ياسى قولما ئۆزۈڭ قىلما ياس نەچە ئەدگۈلۈك قىل ھاۋا ئارزۇ باس [كىشىگە ھەم ئۆزگە قىلما سەن زىيان، ھەۋەسنى قويۇپ، قىل ياخشىلىق ھامان.]

داستاندا شەرەپ ۋە نومۇس تۇيغۇسى ئارقىلىق توسۇش ۋە ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا كۆپلىگەن ئېتىكىلىق مىسرالار ئۇچرايدۇ.

شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىقنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى (349 - بېيىت)، يامانلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭ يامانلىققا ئۇچراپ پۇشايمانغا قالىدىغانلىقى (928 -، 6263 - بېيىتلار)، ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش (2985 - بېيىت)، ھەتتا 10 ھەسسە كۆپرەك ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش (5766 - بېيىت) زۆرۈرلۈكى، يامانلىققا ئىمكانقەدەر ياخشىلىق قىلىش (929 - بېيىت)، جاپاغا مەردانىلىق بىلەن يەنە ۋاپا قىلىش

383-بەت

(3432 - بېيىت) لازىملىقى، بۇ دۇنيا تېرىلغۇ ئېتىزىدەك بولۇپ، نېمە تېرىسا شۇ چىقىدىغانلىقى (1393 - ، 1394 - بېيىتلار)، ھەممىگە ياخشىلىق قىلىشتىن چوقۇم ياخشىلىق ياندىغانلىقىغا ئىشنىش كېرەكلىكى (4256 - بېيىت) ھەققىدە روشەن تەۋسىيىلەرنى تىلغا ئالغان. مۇئەللىپ بۇ مەسىلىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىنكى باقىي ئالەم نۇقتىسىدىن ئەمەس، رېئال ئىجتىمائىي ھاياتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىك باغلىنىشى نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن.

3. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىق ئىدىيىسى

ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىق ئىدىيە ئۇقۇملىرى «قۇتادغۇبىلىك»تىن ئىبارەت بۇ تەپەككۇر خەزىنىسىگە يېتۈك قىممەت، مۇئەللىپكە سەمىمىي ھۆرمەت بېغىشلاپ تۇرغان ئاساسىي پىكىر جۇلاسىدىن ئىبارەتلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلماسا كېرەك.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسانپەرۋەرلىكنى «كىشىگە كىشىلىك قىلىش» دەپ، مېھرىبانلىقنى «باغرىساقلىق» دەپ تىلغا ئېلىپ، ئۆز داستانىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق ۋە تۇيغۇلىرىنى گەۋدىلەندۈردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 1636 - بېيىتىدا:

كىشىلىك تەدۈكۈم بولۇر ئەدگۈلۈك بۇ ئەدگۈ بولۇر ئول يەگۈ كەيگۈلۈك [كىشىلىك دېگىنىم ئېزۇر ئەزگۈلۈك، بولۇر ئەزگۈلۈك ئۇ، يېمەك - كېيگۈلۈك.]

دەپ تىلغا ئېلىپ، ئونى خۇددى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەككە ئوخشاش دائىملىق ئېھتىياج ئورنىغا قويىدۇ. ئۇ داستانىنىڭ 414 - ، 865 - ، 866 - ، 1546 - ، 1636 - ،

384-بەت

2896 ، - 2985 ، - 3269 ، - 3408 ، - 3427 ، 3505 ، - 3931 ، - 3932 ، - 3933 ، - 3935 ، 4257 ، - 4554 ، - 4729 ، - 4733 ، - 4734 ، 4735 ، - 5302 ، - 5353 ، - 5787 ، - 5788 ، 5789 ، - 5790 ، - 5791 ، - 5810 ، - 5892 ، 5893 ، - 6098 ، - 6103 ، - 6106 - بېيىتلىرىدا

ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق ۋە ئالىيجاناب ھېسداشلىق تۇيغۇلىرى توغرىسىدا توختىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « كىشى قەدرىنى ئۇنىڭ كىشىلىككە ھىممەت، مۇرۇۋۋەتتىن ئۆلچەش كېرەك »، « ئادەم ئاز ئەمەس، ئادەمگەرچىلىك ئاز »، « بەختلىك تۇرمۇش ئادەمگەرچىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ پاكلىقتۇر »، « مېھرىبانلىق ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ بېشى ھېسابلىنىدۇ »، « ئىنساننىڭ ئۆزى يامان ئەمەس، ئىنسانپەرۋەر بولمىغانلىقى يامان »، « ئەھلىك ئۆزى يامان ئەمەس، دۇرۇس بولمىغانلىقى يامان »، « ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئەقىللىق ۋە بىلىملىك كىشى بىلىدۇ »، « ئىنسانپەرۋەرلىك ئىنسانغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئىنسانغا خىزمەت قىلماقتۇر »، « بولمىسا مۇنداق كىشى ئۆلۈككە ئوخشايدۇ »، « كىشىلەر ئارىسىدا ياشا، ئەمما ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭدىن ئىزدە »، « ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ئىنسانپەرۋەر بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇ باشقىلارغا مېھرىبان ئەمەس »، « كىشىلەردە دەرد - مۈشكۈل بولىدىكەن، ئۇنىڭغا داۋا بولغىن »، « كىشىلەر سۆيۈنسە سەن مۇ سۆيۈن، غەم - قايغۇ يېسە، سەن مۇ غەم يە »، « ئەڭ دەسلەپ پېقىر، تۇل، يېتىمنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدا »، « ئۆز مەنپەئەتىنى خەلق مەنپەئەتى ئىچىگە ئېتۋەت »، « ھەۋەس قىلما، ئۇ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاچكۆزلىرى »، « ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەلگىسى ئىنسانغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشتا »، « ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ بەلگىسى ئىككى، بىرى، كىشىنىڭ ھالال ھەققىنى بېرىش، بىرى، مېھرىبان بولۇش ».

385-بەت

«كۈمۈش تارقىتىپ سېخى بولمەن دېمە، خەلققە جان پىدا قىلىشتا سېخى بول»، «يۈكۈڭنى خەلققە يۈكلىمە»، «خەلقنى سۆيۈندۈر»!

بۇ يالقۇنلۇق جۈملىلەرنىڭ جاھالەتلىك ئوتتۇرا ئەسىر مۇھىتىدا جاكارلىنىۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا ھاياجانلىنىمىز! بۇ مەرىپەتلىك ئىبارىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا ھازىرغا قارىتىپ يېزىلغاندەك يېقىنلىق ھېس قىلىمىز! ئۇ يەتتە ئەسىر ئىلگىرىلا فيىيېرباخ «كەلگۈسى پەلسەپىنىڭ قائىدىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئالغان مۇھىم قائىدىنى تەشەببۇس قىلدى. فيىيېرباخ: «پەلسەپىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ ئاخىرقى پرىنسىپى: ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدۇر» دېگەنىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىق ئىدىيىلىرى شەرق خەلقلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ئەدەپ-ئەخلاق قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى.

جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان مۇتەپەككۈرلىرىدىن كۇڭزى ئەڭ دەسلەپ مېھرىبانلىق (仁) ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ «مېھرىبانلىق»نى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي قاراشلىرىنىڭ يادروسى قىلغان. كۇڭزىنىڭ قارىشىچە، «مېھرىبانلىق» ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ئومۇمەن ئىنسانغا تاللىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى «مېھرىبانلىق بويىچە ھەل قىلىنىشى» (以仁办理) لازىم ئىدى. ئۇنىڭچە «مېھرىبان قەلب گۈزەل قەلبتۇر» (里仁为美)، «ئۆزى مېھرىبان بولسا مېھرىبانلىققا مەنپەئەت يەتكۈزۈدۇ» (仁者利仁)، «پايدىنى كۆرگەندە مەجبۇرىيەتنى ئويلاش كېرەك» (见利思义)، «ئۆزىنى تۇتۇپ، ئەدەپكە قايتىپ، مېھرىبان ئادەم بولماق كېرەك» (克己复礼立仁) دېگەن قاراشلىرى ھېلىمۇ مەنىۋى پۇچەكلىككە تولغان غەرب ئەللىرىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئالىملار

386-بەت

تەرەپىدىن ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا. ئۇلار كۇڭزىنى جۇڭگو خەلقىنىكىلا ئەمەس، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىمۇ قەدىمكى مەنىۋى مەدەنىيەت (سىۋىلىزاتسىيە) پېشۋاسى دەپ قارىماقتا.

دەرهەقىقەت، بۇنداق ئەدەبىي ئۇچقۇنلارنى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا، تۇرپان تېكىستلىرىدە ئۆزىگە خاس يەرلىك ئىبارىلەر بىلەن جولانلانغان بولۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» ئۇنىڭ ئىپتىخارلىق قامۇسى سۈپىتىدە نامايان بولدى.

تۈركىيە ئالىملىرىدىن س. م. ئارسال، كاپسوغلۇلار بۇ جەھەتتە «ھەقىقىي باغلىنىش»، «بىر تەڭداشلىق» بارلىقىنى تىلغا ئالغان① . ئۇلار يەنە ياخشىلىق بىلەن شادلىقنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئىبن سىنا قاراشلىرى بىلەن كۇڭزىنىڭ ئەدەپ ۋە كۆڭۈل ئېچىش (礼乐) قاراشلىرى ئۆزئارا ئوخشىشىدۇ، دەپ قارايدۇ.

دەروەقە، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي ئەمەلىيىتى ھەر مىللەت، ھەرقايسى رايونلاردا بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان گۈزەل ئەخلاقلارنى پەيدا قىلىشى ھېچقانداق سىر ئەمەس. بۇنىڭ بەزىلىرى تەسىرلىنىش بىلەن، بەزىلىرى بىۋاسىتە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن، بەزىلىرى ھەر ئىككىسى بىلەن بىللە روياپقا چىقىدۇ. بىزنىڭ ئىنسانپەرۋەر ھېسلىرىمىز ئۇنى سۈرۈشتۈرۈشتىن كۆرە، ئۇنىڭ مەدەنىيەتكە مەركەزلىشىشى تۈزۈك. روشەنكى، قەدىمكى كۇڭزى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېلىمىز مەدەنىيەت تارىخىدىكى خاس جۇلالىق يۇلتۇزلار جۈملىسىدىندۇر.

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە»، 157-، 158- بەتلەر.

387-بەت

4. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئەخلاق تىپلىرى بايانى

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا «ياخشىلىق» بىلەن «يامانلىق» نىڭ ئەينى زامان كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىكى بىر - بىرىگە زىت كونكرېت تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرلىك بەلگىلىرى كەڭ تەھلىل قىلىنغان. بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئەمەلىي ئەخلاق مۇھاكىمىسى ئىدى. مۇتەپەككۇر بارلىق ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ يىلتىزى ساپ نىيەتلىك، سەمىمىيلىك، مەردلىك ۋە مېھرىبانلىق قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئېكەن، دەپ كۆرسەتسە، بارلىق قەبىھ قىلىقلارنىڭ مەنبەسى ئاچكۆزلۈك، ھېرىس - ھەسەت قاتارلىق شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلىك ئىدىيىسى، دەپ كۆرسىتىپ، ئاددىي خەلقتىن تاكى دۆلەت باشلىقغىچە ھەممىنىڭ تەلەپچان ۋە نومۇسچان بولۇشى لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئۇ داستاننىڭ 2066 -، 3346 -، 4563 -، 3247 - بېيىتلىرىدا خالىس ساپ نىيەتلىك بىلەن شەخسىيەتچىلىكنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق يازغان:

ئاغىر يۈك كىشىگە قىلىنچ ئارقۇقى قىلىنچ ئارقۇق ئېرسە بولۇن ئات ئوقى [ ئېغىر يۈك كىشىگە ئۆزە-مىجەز قىلىق، ئۆزە-مىجەز قىلىققا ئوق ئات، قارىشى چىق. ] ھەۋاقا باسقۇما ئوقۇش بىرلە كەس ئەت ئۆز باش كۆتۈرسە بىلىك بىرلە باس [ ھاۋاغا بېرىلمە، ئەقىل بىرلە كەس، تېنىڭ باش كۆتۈرسە، بىلىم بىرلە باس. ] بۇ ئەت ئۆزكە بەرمە تىلەك ئارزۇسىن تىلەكى بولسا يەيۈر ئېدىسى باشنى

388-بەت

[بۇ نەپسىڭنى بەرھەم تىلەك ئارزۇسۇن، تىلەك تاپسا يەيدۇ ئىگىسى بېشىنى.] تىرىك يالغۇز ئوغلى توسۇلغان كېرەك توسۇلماز كىشى توغسا ئۆلگەن كېرەك [ تىرىك ئادەم ئوغلى نەپ بەرھەم كېرەك، ئەگەر پايدىسىز بولسا، ئۆلمەك كېرەك.]

داستاننىڭ 5387 -، 2003 -، 2620 - بېيىتلىرىدا شەخسىيەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ قەبىھلەشكەن، ئۆزىنى ئۆزى تۇتالمىغان قويىدىغان شەكىل ئاچكۆزلۈك — ھېرىس ھەققىدە مۇنداق توختىلىدۇ:

چىغاي دەپ ئايۇرلار قايۇ ئول چىغاي كۆزى سوق چىغاي ئول نەچە ئەرسە باي [ «گاداي» دور، ئۇ كىمدۇر ئاتالمىش گاداي، كۆزى ئاچ گاداي شۇ ھەر قانچىدۇر باي.] قامۇغ ئاچ يەسە ئىچسە ئاخىر تودۇر كۆزى ئاچ كىشى ئۆلسە ئاچلىق قودۇر [ پۈتۈن ئاچ ئىچسە — يېسە ئاخىر تويار، كۆزى ئاچ بۇ ئاچلىقنى ئۆلسە قويار.] قايۇ بەگ سوق ئەرسە چىغاي ئول چىغاي قايۇ قۇل كۆزى توق بەگ ئول كۆڭلى باي [ قايۇ خان ھېرىستۇر، گادايدىن گاداي، قايۇ قۇل كۆزى توق، ئۇ خان — كۆڭلى باي.]

ئاچكۆزلۈكنىڭ راۋاجى كۆرەلمەسلىككە — ھەسەتخورلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. داستاننىڭ ھەسەتخورلۇق، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئوردا ئەھلى ئارىسىدا كەڭ قانات يايدىغان، ساتقىنلىق ۋە قانلىق نىزالارغا سەۋەب بولىدىغان دەھشەتلىك ھەسەتخورلۇق

389-بەت

ئىپادىلىرى توغرىسىدىكى مىسراللىرى تېخىمۇ ئىبرەتلىك. داستاننىڭ 4253 - بېيىتىدا ھەسەتخورلۇق كېسىلىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ھالاك قىلىشى تۆۋەندىكىدەك تەسىۋىرلەنگەن:

تەپىزلىك ئېگ ئول بىر ئوتاتغۇ ئۇزۇن يەمىشى ئانى يەر سىزار بۇ ئۇزۇن [ھەسەت بىر كېسەلدۇر، داۋاسى ئۇزاق، ئۆزىنى ئۆزى يەپ، تۈگەر ئۇ ئاداق.]

پىتنى - پاسات، غەۋغا - بوهاتتان، ئىككى يۈزلىمىلىك ۋە ساتقۇنلۇقنىڭ ھەسەتخورلۇق يىلتىزىدىن ئۈسۈپ چىقىدىغانلىقى، ئونىڭ ئۆچكەن ئوتنى ياندۇرۇپ (4412 - بېيىت) خارلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى (4414 - بېيىت) يۈسۈپ خاس ھاجىپقا روشەن ئىدى. ئۇ داستاننىڭ 4272 -، 4212 -، 4411 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

بىرىسى ئۆزۈنچى يۇغاغ قىلغۇچى بىرى ئىككى يۈزلۈگ كىشى ئۆمدۈچى [بىردۇر چىقىمچى، پىتنى - پاساتچى، بىرى، ئىككى يۈزلۈك، ئۆز مەنپەئەتچى.] ئۆزۈنچى كىشكە قاتىلما يىرا ئۆزۈنچى تىلىندە كۆيەر ئوت كۆرە [قوشۇلما پىتنىخورغا، بارما يېقىن، ئۇنىڭكىم، تىلىدىن چىقار ئوت - چېقىن.] فەسادئول بۈزۈغلى تۇپۇگ يىلدىرىغ فەسادئول بۈزۈغلى بۇ ئادگۈ ئىنزىغ [تۇپراق - يىلتىزنى پاساتلىق قىرار، بۇ ياخشى ئىنزىنى پاساتلىق بۇزار.]

390-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار كىشىلەرنى دۆلەت خىزمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى، ئۇلارنى تەقىبلەپ جازالىنىشقا تەۋسىيە قىلىشنى تىلغا ئېلىپ قالماي، يەنە يامانلارنى جازالاشنى، ھەتتا «بېشىنى ئېلىش» جازاسىنى بېرىشنى تەكىتلىگەن.

ئۇ داستاننىڭ 5279 - بېيىت…

ئاي ئەلىگ قىلىچ بەرگە سەندە تۇرۇر بۇ بەرگە قىيىنلار ئەسەزكە ئەرۇر [قىلىچ ھەم تايانچ، ئەي ئېلىگ سەندىدۇر، بۇ قامچا، جازالار يامانلارغىدۇر.]

دېسە، داستاننىڭ 4213 - بېيىتىدا پىتنىخورغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى، بولمىسا پىتنىدىن چىقىن چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ :

ئۆزۈندىن قوپار ئول ئازۇن بولغاقى ئۆزۈنچى بېشىن كەس ئاي ئەرسىگ ئاقى [جاھان پىتنىسىنى تىرار پىتنىچى، ئۇنىڭ سەن بېشىن كەس، ئايا مەرد، سەخى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يامان ئوي - پىكىر ۋە ناچار ئەخلاقنى خەلق بەختسىزلىكىنىڭ، ھەتتا شۇ كىشى تەقدىرىدىكى بەختسىزلىكنىڭ ئۆزى يۈدۈپ يۈرگەن سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قاراپ، ئۇنى تۈزەشنى جەمئىيەتنى تۈزەش جۈملىسىگە كىرگۈزىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ سېخىيلىق ۋە بېخىللىق، كەمتەرلىك ۋە تەكبۇرلۇق قاتارلىق پەزىلەتلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان.

391-بەت

داستاننىڭ 950 - ، 3036 - بېيىتلىرىدا سېخىيلىق ۋە بېخىللىق ھەققىدە:

تۆزۈككە سەركەر ساران ئۆز نەئىن كەشكە قاچان بەرگە ئايغىل تېگىن [بېخىل ئۆز مېلىدىن ئۆزى قىزغىنار، قاچان كىشى ھەققىن بېرىشكە ئۇنار؟!] ئىككى نەڭ قارىشتى ياقىشماز قاچار سارانقا ياغۇماز ئاقىغ بەرەك قوچار [ئىككى نەرسە زىت، بىرى - بىرىدىن قاچار، بېخىلغا باقماس خەير، بېختى قوچار.]

دېسە ، داستاننىڭ 1706 - ، 2120 - بېيىتلىرىدا كۆزەزلىك ۋە تەكەببۇرلۇق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :

تۇلۇغسۇغ كۆزۈز كۆر كىشى ئول تۈرى كۆڭكە قودى ئول كۆزەزلىك قۇرى [يۇغانچى، تەكەببۇر تېتىقسىز بولۇر، ئۇنى كىبرى كۈنمۇ كۈن پەس قىلۇر.] كۆزەزلىك ئاسغىسز كۆڭۈل توملتۇر كۆڭۈل قودقى بولسا كىشىگ يوقلاتۇر [كىبىرلىك بې پايدا، كۆڭۈل توڭلىتۇر، كىشىنى كىچىك دىللىق ئۈستۈنلىتۇر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئار - نومۇس ، ۋىجدان كاتېگورىيىسىنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇنىڭ بولۇش - بولماسلىقىنى ياخشىلىق ياكى يامانلىققا يۈزلىنىشتىكى مۇھىم ئۆتكەل ۋە ئەخلاق نازارەتچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. داستاننىڭ 2006 - ، 2008 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

392-بەت

كىمىكدە ئۆلۈت بولسا قىلىقى سىلىك قامۇغ تەھسىز ئىشكە تەكمەرمەز ئەلىك [ئۆيات كىمدە بولسا، سىلىق خۇيلۇق ئول، ناچار ئىشقا ھەرگىز ئۇ سونمايدۇ قول.] قامۇغ تەھسىز ئىشتىن يىغىلى ئۆلۈت قامۇغ ئەدگۈ ئىشكە ئۇلاغلى ئۆلۈت [ئۆيات — بارچە يامان ئىشتىن توسقۇچى، پۈتۈن ياخشى ئىشقا ئۇلاشتۇرغۇچى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دوستلۇق، چوڭلار ۋە كىچىكلەرگە ھۆرمەت — ئىززەت، مېھمانغا قىزغىن مېھماندوستلۇق قىلىشنى، سۆزدە ئەدەپلىك بولۇشنى، چوڭلار ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ سۆزىنى كۆپرەك ئاڭلاپ ئاز سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پىكرىچە، ئۇچراشقاندا سالاملىشىش ئەدەپنىڭ بېشى بولۇپ، مۇنداق سالام كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا سالام بېرىشىدىن ئەمەس، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە سالام بېرىشىدىن باشلىنىشى لازىم. ئۇنىڭ قارىشىچە، چوڭلار، مەرتىۋىلىكلەر باشلاپ سالام قىلسا، تۆۋەندىكىلەرنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ، ئەدەپمۇ ئومۇملىشىدۇ؛ ئەكسىچە ھالدا، كىچىكلەر ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك بولغان چوڭلار، مەرتىۋىلىكلەرگە نىسبەتەن ئەندىشىدىن خالى بولالمايدۇ، ئەدەپمۇ ئۆزىنىڭ پاك ۋە سەمىمىيلىك قىممىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

ئۇ داستانىنىڭ 5060 —، 5062 — بېيىتلىرىدا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق يەكۈنلەيدۇ:

ئۇلۇغلار كېرەك كىم كىچىككە سالام ئاشۇندۇرسا ئۆترۈ بولۇر ئىش تامام

393-بەت

[كىچىككە ئۇلۇغدىن كېرەكتۇر سالام، شۇ بىرلە جىمى ئىش بولۇرلار تامام.] كىچىك بولسا ئۆزۈن ئۇلۇغ شەھرىندىن سەلامەت بولۇنسا ئۆمۈپ خېيىرندىن [كىچىك بولسۇن ئۆزۈن ئۇلۇغ شەھرىندىن① سالامەتلىك تېپىپ ئۆزنڭ خېيىردىن.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ يېڭى كۆز قارىشى، يەنى زاماندىكى كىچىكلەر چوڭلارغا، تۆۋەن دەرىجىلىكلەر يوقىرى دەرىجىلىكلەرگە ئالدىن ھۆرمەت سالامى بېرىدىغان ئادەتكە زىت بولۇپ، ئادەت كۈچىنى يۆتكەش ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ساقلانغان خوشامەتگويلۇق ھاۋاسىنى پەسەيتىپ، كەمتەرلىك ۋە ئالىيجانابلىقنى جارى قىلدۇرۇشتا غايەت مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. فېئوداللىق دەرىجىلىك تۈزۈمى مۇتەپەككۇرنىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يول قويمىدى.

5. «قۇتادغۇبىلىك»تە سۆز ئەدەبى ھەققىدىكى بايان

«قۇتادغۇبىلىك»تە سۆز («تىل»، «سۆز») توغرىلىق يېزىلغان نۇرغۇن مىسرالار بار. ئۇلار ئاساسەن «تىلنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرى ۋە پايدىسى بىلەن زىيىنى بايانىدا»، «ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە تىلنىڭ پەزىلىتى ۋە سۆزنىڭ پايدىلىرىنى ئېيتقانلىقى بايانىدا» دېگەن 7 - ۋە 19 - بابلارغا مەركەزلەشكەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلنى تەپەككۇر - ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ تەرجىمانى («تىلماچ») (162 - بېيىت) ، «ئەگەر

① «ئۇلۇغ شەھرىندىن» — چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە غەزەپ قىلىشى مەنىسىدە.

394-بەت

تىل بىلەن سۆزلىمىسە ئالىمنىڭ بىلىمى زاھىر بولماس» (214 – بېيىت) ، «ئۆلگەنلەردىن بىلىم مىراسىمۇ سۆز ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە قالىدۇ» (270 – بېيىت) ، «سۆز كىشىلىك گۈزەللىكى» ، «ئەمما سۆزنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ خىل» (272 – بېيىت) ، «ئەقىل گۈزەللىكى تىل بىلەن تەپەككۇر قىلىش، تىلنىڭ گۈزەللىكى سۆزدە گەۋدىلىنىدۇ» (273 – ، 274 – بېيىت) دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، تىلنىڭ ياخشىلىق ۋە مەنپەئىتىنى ماختايدۇ. ئۇ «سۆز بىلەن كىشى ئۆسۈپ پادىشاھ بولالايدۇ» (173 – بېيىت) ، «سۆز بولۇپ كۆز بولمىغاندا بۇ سۆز كۆزلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ» (178 – بېيىت) ، «ياخشى سۆزلۈك كىشى ئۆلسىمۇ ئۆلمىگەندەك بولىدۇ، چۈنكى سۆزى ئۆلمەيدۇ» (180 – بېيىت) دەپ يازىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «پەقەت سۆزلىمەسلىكنى ئەقىل خالىمايدۇ» (185 – بېيىت) ، «بىلىپ سۆزلەش لازىم، ئۇ بىلىم ھېسابلىنىدۇ» (170 – بېيىت) ، «تولا سۆزدە مەنپەئەت يوق» (171 – بېيىت) ، «ئاز سۆز بىلەن تۈگۈننى يېشىشكە ئەڭ ياخشى» (172 – بېيىت) ، «خاتا سۆز ئوقيا بولىدۇ» (193 – بېيىت) ، «پاساھەتلىك سۆز قىل» ، «تىل دەرۋازىدىكى يولۋاس، دىققەت قىلمىساڭ بېشىڭنى يەيدۇ» (164 – بېيىت) ، «خۇلۇق ۋە سۆزۈڭ ياخشى بولسا ئۆلمەيسەن» (183 – بېيىت) ، «سۆزۈڭنى كۆزەتمىسەڭ بېشىڭ كېتىدۇ. تىلىڭنى كۆزەتمىسەڭ چىشىڭ سۇنىدۇ» (167 – بېيىت) ، «تىلىڭنى كۆزەتسەڭ بېشىڭنى ئامان قىلىسەن، سۆزۈڭنى قىسقا قىلساڭ ئۆمرۈڭ ئوزىرىدۇ» (176 – بېيىت) ، «قارا بېشىڭنىڭ dۈشمىنى قىزىل تىلىڭ، بۇ قىزىل تىل نۇرغۇن باش يېگەندى، يەنە يەيدۇ» (996 – بېيىت) ، «تىلىڭ ھەر كۈنى بېشىڭنى يۈنۈپ تۇرىدۇ» (997 – بېيىت) ، «سورالمىغان سۆزنى دېمە» (978 – بېيىت) ، «سوئال ئەركەك، جاۋاب چىشى بولۇپ، ئۇلاردىن ئىككى ئوغۇل

395-بەت

توغۇلىدۇ» (979 _ ، 980 _ بېيىتلار)، «گال بىلەن تىل قاتتىق تەزگىنلىنىشى كېرەك» (993 _ بېيىت)، «كۆڭۈل بىلەن تىل توغرا سۆز ئۈچۈن يارالغان» (1024 _ بېيىت)، «سۆزنى ئاڭلا، راست _ يالغاننى تەكشۈر، يالغان سۆزلىگەننى جازالا» (5878 _ بېيىت)، «چېقىمچىلىق ۋە ئوششاق سۆز بىلەن شۇغۇللانما» (4301 _ بېيىت)، «چوغلار سۆزنى رەت قىلما، يىرىك سۆزلىمە» (4303 _ بېيىت)، «ئاقىل ئاز سۆزلىسىمۇ تولا سۆزلىدىم دەپ ئۆكۈنىدۇ» (4335 _ بېيىت)، «يىرىك سۆزلىمە، ئۆزۈڭنى قاتتىق تۇت، يىرىك سۆز كىشىلەر دىلىنى سوۋۇتۇپ قويىدۇ» (5221 _ بېيىت)، «غەزەپلەنمە، غەزەپ كەلگەندە گاچا بولۇۋال» (5216 _ بېيىت)، «كىچىك پېئىل، شېرىن سۆز بولۇشنى بەختكە بەدەل قىل» (5251 _ بېيىت)، «ئىشەنگەنگە سۆزلە، ئىشەنگەننىڭ سۆزنى دىلىڭدا تۇت» (5621 _ بېيىت)، «كىشىگە كىشىنى كىشى كۆرۈپ جاۋاب قايتۇر» (5833 _ بېيىت)، «سۆز، گال، كۆز، شەھۋەت ئوتى ئاپەت كەلتۈرىدۇ» (6352 _ بېيىت) دەپ تەلىم بېرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك»تە تىلغا ئېلىنغان سۆز ئەدەپى توغرىسىدىكى بايانلار ئومۇمەن سۆزنىڭ راستچىللىقى، مەنادارلىقى، ئەدەپلىك بولۇشى، گۈزەللىكى بىلەن يالغان سۆز، بۇزۇق سۆز (مەسىلەن، پىتنە _ پاسات سۆزلىرى)، مەنىسىز، قۇرۇق ياكى ئوششاق سۆز، قوپال سۆز، ئەدەپسىز سۆز ئوتتۇرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دائىمىي ۋە بىۋاسىتە ئالاقىدار ئىدى.

فېيىرباخ: «تىل ئىنسانىيەت مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى _ تۆۋەنلىكىنىڭ مىزانى①»، «ھەقىقەتنىڭ ھاياتىي كۈچى (ئۆلمەس دەۋرىخى) تىلدىن ئىبارەت»② دېگەن ئىدى. يۈسۈپ

① فېيىرباخ: «پەلسەپىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ۋاقىتلىق پروگراممىسى».

② «خرىستىئان دىنىنىڭ ماھىيىتى»، «فېيىرباخ پەلسەپە ئەسەرلىرى»، 1 _ توم.

396-بەت

خاس ھاجىپنىڭ سۆز ئەدەبى ھەققىدىكى تەلىمى ھېلىمۇ ئۆز — ئۆزىنى بىلىش، ئۆز — ئۆزىنى تۇتۇشتىكى نۇرانە تەپەككۇر ئۈنۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

6. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئائىلە — نىكاھ ۋە تۇرمۇش ئەخلاقى بايانى

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئائىلە — نىكاھ مەسىلىسى مۇھىم ئىجتىمائىيەتشۇناسلىق، ئەخلاق ئىلمى ۋە مائارىپ كاتېگورىيىسى سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇلغان. داستاننىڭ بەزى بابلېرىدىكى بايانلار بىلەن ئۇنىڭ «ئۆيلىنىشنىڭ قانداق بولۇشى بايانىدا» ، «پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش بايانىدا» دېگەن 62 —، 63 — بابلېرى ۋە زىياپەتكە بېرىش، زىياپەتكە چاقىرىش توغرىسىدىكى 65 —، 66 — بابلېرىدا، ئائىلە — نىكاھ ۋە جامائەتچىلىك ئەخلاقى قائىدىلىرىنىڭ ئەينى زامان تەلەپلىرى سۆزلەنگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلە ئاساسى بولغان نىكاھ مەسىلىسىدە كۆز ئالدىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋە بولۇۋاتقان ئىككى خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىگە خاس تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ بىرى، ئىلگىرىكى قاندىاشلىق — ئۇرۇقداشلىق نىكاھ ۋە نىكاھنىڭ مىراس قىلىش مەسىلىسى؛ ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ئىسلام تەقۋادارلىرى دەۋەت قىلىۋاتقان يۇقىرى نەسەب، تەقۋادار سۈپەت، باي ۋە گۈزەل خوتۇن ئېلىش تەشەببۇسى ئىدى ①. مەلومكى، كۆچمەن چارۋىچىلىق ئاساسى ئىقتىسادى

397-بەت

ئېگىلىك قىلىنغان ئىلگىرىكى زامانلاردا، ئۇنىڭغا مۇناسىپ قاندائىشلىق - ئۇرۇقداشلىق ئاساسىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە تۈزۈمى ساقلانغانىدى. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، قاندائىشلىق - ئۇرۇقداشلىق ئاساسىدىكى ئائىلە تۈزۈمى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي ھۆجەيرىسى سۈپىتىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق ئېگىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە خىزمەت قىلغانىدى. مۇنداق ئائىلە تۈزۈمىنىڭ ئىختىيارىي قوشۇلۇش ئاساسىدىكى ئائىلە تۈزۈمىگە ئالمىشىشى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئۈستۈنلۈك ئالغان ئېگىلىكتىن ئولتۇراقلاشقان يېزا ئېگىلىكى ئۈستۈنلۈك ئالغان ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈمگە ئۆتۈش ئارقىلىق يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىناتتى. «قۇتادغۇبىلىك»تە قانداق نىكاھلىنىش ۋە قانداق ئائىلە قۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، تولاراقى ئىلگىرىكى زامان ۋە قىسمەن ئەينى زاماندىكى كۆچمەنچى قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ئادەت كۈچلىرى ۋە پىتىنلىرىگە قارشى، ئەركىن تاللاش ئاساسىدىكى يېڭىچە نىكاھ ۋە بىر ئەرگە بىر خوتۇنلۇق ئاساسىدىكى يېڭىچە ئائىلىنى مۇستەھكەملەش يولىدىكى بىزگە مەلۇم بولغان تۇنجى ھۆججەت سۈپىتىدە ئالاھىدە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلە مەسىلىسىنى تەربىيە مەسىلىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، رەپىقە ( «ئەۋ» ، «ئەب» ، «كىشى» ) تاللاشنى نىكاھلىنىشنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئەخلاق ۋە پەزىلەتنى رەپىقە تاللاش شەرتلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپ بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئاساستا ئۆي - جاي ئورنىنى تاللاش، ئېگىلىك باشقۇرۇش، مېھمان چاقىرىش ياكى مېھمانغا بېرىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى. بىز ئالدى بىلەن ئۇنىڭ نىكاھلىنىش شەرتلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.

398-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پىكرىچە، بىر ئەر - بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى. ئەينى زامان مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىنىڭ بىر ئەر كۆپ ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا ئۆلگەن خوتۇننىڭ مىراس قىلىنىشى مۇئەييەن دەرىجىدە يامان ئىللەت ھېسابلاناتتى.

«سۈجى مېڭگۈ تېشى» غا قارىغاندا، مۇنداق يەككە نىكاھ تۈزۈمى قاراخانىلاردىن ئىلگىرىلا باشلانغانلىقى ئېھتىمال. بۇ مېڭگۈ تاشتا: «ئېپلەدىم ئوغلۇمنى قىزىمنى قالدۇقسىز» (ئوغلۇمنى ئۆيلىدىم، قىزىمنى ياتلىق قىلدىم سالغۇلۇق ئالماي) دېيىلگەن بولسا، تۇرپاندىن تېپىلغان قانۇن ۋەسىقىلىرىدىمۇ بىر ئەر - بىر خوتۇنلۇق ئائىلە تۈزۈمىنى گەۋدىلەندۈرگۈچى «بۇ ئىككى ئەر ئېنىچى بولمىشلار» (بۇ ئىككىسى ئەر - خوتۇن بولۇشتى) دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زاماندىكى سەئىد ۋە يالغان سەئىد ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش يولىدىكى يۇقىرىغا يامىشىپ، يوقىرى نەسەبلىك خوتۇن سەيىسىدە ياشاش تەشەببۇسلىرىغا زىت كېلىدىغان بىر قەدەر ئىلغار نىكاھ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ نىكاھلىنىش ۋە ئائىلە قۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئەينى زامان شارائىتىدىكى بارلىق مۇرەككەپلىكلىرىگە يېقىنلاشقاندا، مۇمكىن قەدەر ئائىلە پاجىئەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىسمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ يەنىلا ئەرلىك ئىمتىيازلىقىدىن ئىبارەت فېئودال كۆز قاراشنىڭ قاتتىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلالىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىسلام تەقۋادارلىرى دەۋەت قىلىۋاتقان نەسەب ۋە بايلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئۆيلىنىش…

399-بەت

شەرتلىرىگە زىت ھالدا، نىكاھلىنىشتا ئالدىراپ كەتمەسلىكنى، ئۆيلەنمەكچى بولغان رەپىقىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئىنچىكە ئۆيلىنىپ ياخشى تاللاشنى تەۋسىيە قىلغان، بۇنىڭدا قىزنىڭ نىكاھلانمىغان قىز بولۇشى، ئەردىن ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ئورۇن جەھەتتە تۆۋەنرەك بولۇشى، ئەرنى خالاپ ياخشى كۆرىدىغان بولۇشى ۋە ئەخلاقى گۈزەللىككە ئىگە بولغان بولۇشىدىن ئىبارەت تۆت ئالدىنقى شەرت تەكىتلەنگەن.

داستاننىڭ 4478 - بېيىتىدا قىزنىڭ ناتوغرا غەرەز، ئالدىنىش ياكى مەجبۇرلىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىختىيارىي ھەم سەمىمىي مۇھەببەت ئاساسىدا نىكاھقا رازى بولۇشى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:

سەنى سەۋگە سەندىن ئادىن بىلمەگەي ياراغسىز يا تەڭسىز قىلىق كەلمەگەي [سېنىلا سۆيۈپ، باشقىنى بىلمىگەي، يارامسىز، قىلىقسىز ئىشلار قىلمىغاي.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ نىكاھلىنىشتا تۆت تۈرلۈك ئايالنىڭ ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى زامان شارائىتى بويىچە بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلدى.

ئۇ تىلغا ئالغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئاياللار باي ئائىلە قىزلىرى بولۇپ، داستاننىڭ 4487 - ، 4491 - ، 4492 - بېيىتلىرىدا، باي ئائىلە قىزلىرىغا يېقىنلىشىش نىكاھلانغۇچى ئەرگە نىسبەتەن ئىقتىسادىي ئامەت بولماستىن، بەلكى كۆپ ھاللاردا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي - نەسەب جەھەتتىكى زور پەرقلەر پەيدا قىلغان زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياكى ئائىلىنى بۇزۇش، ياكى باي ئائىلىگە بويسۇنۇشتىن باشقا ئامال يوق، دەيدۇ. يۈسۈپ خاس

400-بەت

ھاجىپ بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى بەختسىزلىك ھېسابلاپ، بۇنداق نىكاھنى رەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى تۆۋەن تەبىقە يىگىتلىرىگە، كۆپ جامائەتكە كۆيۈنۈش بولۇپ، مۇئەييەن خەلقپەرۋەرلىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى. ئۇ تۆۋەن تەبىقە قىزلىرىغا ۋە ئەخلاقلىق قىزلارغا ئۆيلىنىپ، ھاياتنى خۇشاللىق ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا داستانىنىڭ 4479 -، 4481 - بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئۆزۈڭدە قودى ئال كىشى ئالسا سەن بەدۈك تۈپكە ياقما بۆلۈن بولغا سەن [خوتۇن ئالساق ئالغىن ئۆزۈڭدىن تۆۋەن، ئىسلىما ئېگىزگە ئەسىر بولۇرسەن.] كىشى ئالسا ئۆزدە قودى ئال كۈنى سەۋىنچىن كۆرۈرگەي سەن ئۆدلەك كۈنى [خوتۇن ئالساق ئالغىن، تۆۋەن، توغرىنى، سۆيۈنچ بىرلە ئۆتكەي ھاياتىڭ كۈنى.]

ئۇ داستاننىڭ 4487 -، 4493 -، 4494 - بېيىتلىرىدا چىراي گۈزەللىكىگىلا ئىگە قىزلارنى ئىككىنچى تۈركۈم قىز - ئاياللار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، نوقۇل ھۆسن - جامالىغا مەپتۇن بولۇپ نىكاھلىنىش ئاقىلانىلىق ھېسابلانمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ ھۆسن گۈزەللىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا، نوقۇل بۇ شەرت بويىچە ئۆيلىنىپ، «قىزىل يۈزنى زەپىران قىلىۋېلىش»تىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 4484 - بېيىتىدا مۇنداق دەيدۇ:

يۈزى كۆركى قولما قىلىنچ ئەدگۈ قول قىلىنچ ئەدگۈ بولسا تۆكەل بولغا ئول

401-بەت

[ گۈزەل خۇينى ئىستە، ئاختارما جامال، خۇيى ياخشى بولسا، تاپار ئۇ كامال. ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھۆسنى گۈزەل قىزغا ئۆيلىنىپ پاجىئەگە يولۇقماسلىق توغرىسىدا توختالغاندا، ئۆزىنىڭ زامان جاھالىتىنى پاش قىلىدۇ. ئۆتتۈرا ئەسىر فېئوداللىق مۇھىتىدا ھوقۇق ۋە مۈلۈك ئىگىلىرى بولغان ئىمتىيازلىق كۈچلەر گۈزەل ئاياللارنى تارتىۋالىدىغان، ئۇلارنىڭ مەھبۇبلىرىنى پاجىئەگە گىرىپتار قىلىدىغان ئەھۋال دائىم ئۇچرايتتى. كۆپلىگەن تىراگېدىيىلىك داستانلار بۇ ئىجتىمائىي پاجىئەنىڭ شېئىرى ئىپادىسى سۈپىتىدە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

بۇ داستاننىڭ 4488 -، 4495 -، 4496 - بېيىتلىرىدا يۇقىرى نەسەبتىن چىققان ئېسىلزادە قىز - ئاياللارنى ئۈچىنچى خىلدىكى قىز - ئاياللار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىشنى ئىززەت - مەرتىۋىنىڭ كۆتۈرۈلۈش يولى ئەمەس، بەلكى قۇللۇقنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ 4489 -، 4497 -، 4500 -، 4502 - بېيىتلىرىدا تۆتىنچى خىلدىكى قىز - ئاياللار سۈپىتىدە پەزىلەتلىك ۋە بىلىملىك قىزلارنى تىلغا ئالىدۇ. مۇئەللىپ ئۆز مۇلاھىزىلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ: ئەگەر مۇنداق قىزغا نىكاھلىق بولساڭ، ئۇ چاغدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خىلدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسىنى تاپقاندەك بولىسەن. كېچىكتۈرمەي ئۇنداق قىز بىلەن نىكاھلانغىن، دېگەن مەسلىھەتنى بېرىدۇ. ئۇنىڭچە، ئەقىل - پاراسەت ۋە پەزىلەت ئىگىسى بولغان بۇنداق رەپىقە ھەم ئېسىللىك، ھەم بايلىق، ھەم گۈزەللىكنىڭ مۇجەسسىمى ئۆلگۈسى ھېسابلىنار ئىدى.

«قۇتادغۇبىلىك»تە يۇقىرىقى ئىككى خاھىشتىن باشقا، ئۈچىنچى خىل خاھىش - نىكاھلىنىشنى رەت قىلىدىغان

402-بەت

تەركىدۇنيالىق پىكىر ئېقىمىغا رەددىيە بېرىلىدۇ. مۇئەللىپ داستاننىڭ 42 _ بابىدا زاھىت ئودغۇرمىش نامىدىن ( 3574 _ ، 3581 _ ، 3584 _ بېيىتلار) تىلغا ئېلىنغان «خوتۇن لەززىتى» ، «خوتۇن بىلەن سۆھبەت تاتلىغى» ، «پەرزەنت كۆرۈش»نى جاپالىق، ئاچچىق، دۈشمەن تېپىۋېلىش، شەيتانغا يول ئېچىش دەيدىغان قاراشلارنى رەت قىلىپ، كىشىلىك جەمئىيىتىدە كىشىلىك يولى بىلەن ياشاشنىڭ يوللۇق ۋە مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئاياللارغا توغرا مۇناسىۋەتتە بولۇش، شەھۋانىي ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك، ئۆزىنىڭ مۇنداق خاھىشلىرىنى ئەقىل - پاراسەت بىلەن چېكەلەشنى دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ داستاننىڭ «ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانىدا» ، «ئۆگدۈلمىشنىڭ ئودغۇرمىش بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلىكى بايانىدا» قاتارلىق بابلىرىدا، مۇنداق خاھىش كىشىگە خارلىق، مۇھتاجلىق، ھەتتا قۇللۇق كىشەنلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ تەكرار ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ ئەزىمەت - قەھرىمانلارنىڭ دۈشمەننىڭ «گۈلچېھرىلەر ھىلىسى» تۇزىقىغا چۈشۈپ، يامان غەرزلىك ئاياللار قولىدا ھالاك بولغانلىق پاجىئەلىرىنىمۇ ئىبرەت سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.

«قۇتادغۇبىلىك» ئائىلىلەر مۇناسىۋىتىگە ئائىت قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە مېھماندوستلۇق ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختالغان. ئۇ قوشنىدارچىلىقنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىشنى، ئۆي - روزىغارنى ئاوات بازار، خەتەرلىك دەريا ۋە قۇدرەتلىك بەگلەر تۇرغان جايغا يېقىن تۇتماسلىقنى، پىتنخور، ئىككى يۈزلىمىچى، چىقىمچى، قىزىل كۆز، ھاراقكەشلەردىن دوست تۇتماسلىقنى، ئائىلىنى ھالال كىرىم بىلەن ئىقتىسادلىق باشقۇرۇشنى، ئۈچ ساقلاش، چىقىمچىلىق، مەنىسىز قوشاق سۆزلەشنى ئادەت قىلماسلىقنى، زىياپەتنىڭ ھەممىگە ئەمەس،

403-بەت

كىشىگە مەنىۋى ياردەم بېرىدىغان ھەم زۆرۈر بىلىملەرگە بېرىپ، يوسۇنلۇق مېھمان بولۇشنى، مېھمان چاقىرىشقا تۇتۇنسا ياخشى كۈتۈشكە تولۇق تەييارلىنىشنى تەپسىلىي تىلغا ئېلىپ، مول فولكلور مەنزىرىسىنى سېزىپ كۆرسەتكەن. ئۇ داستاننىڭ 2553 - بېيتىدا داستىخان يېيىشنى بەگلىرىنىڭ تۇغ چىقىرىشىغا ئوخشىتىپ، ئۇيغۇر جەمئىيەتچىلىكىدىكى مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. دەۋر ئۆزگەرگىنى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تەلەپلىرىنىڭ ئەخلاققا مۇۋاپىق مەغزى ھېلىمۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئېتىكىلىق قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.

7. «قۇتادغۇبىلىك» تىكى زامان ئەخلاقى بۇزۇلۇشىنىڭ بايانى

«قۇتادغۇبىلىك» «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى بايانىدا» دېگەن بابى بىلەن زوق - شوخ بىلەن باشلانغان بولسا، ئەكسىچە «زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى توغرىسىدا» يېزىلغان ئەلەملىك قەسسىدىلەر بىلەن خاتىمىگە يۈزلەنگەن. بۇ تاسادىپىيلىقمۇ؟

روشەنكى، مۇئەللىپ ئۆز ئەسىرىدە ھەرخىل سۇبيېكتىپ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئېتىكىلىق ئوبيېكت سۈپىتىدە كۆپ قېتىم خاراكتېرلەپ بەرگەن ۋە سۆككەنئىدى. ئەمما، ئۇ چاغدا بۇ ئوبيېكتلار پەقەت ئېتىكىلىق ئوبيېكت سۈپىتىدىلا تىلغا ئېلىنغانىدى. ئاپتور بۇنىڭدىن پەرقلىق ھالدا بۇ خىل سۇبيېكتىپ ئوبيېكتلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆز سۇبيېكتىنى «چۆچۈندەك شوراپ»، «چاياندەك چاققان» لىقىنى ئاشۇ قەسسىدىلىرىدە تىلغا ئالىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، يېقىن دوستلىرىنىڭ «يەك» (جىن - شەيتان) بولۇپ چىققانلىقىنى، ئۆزى جاھىل

404-بەت

( « ئوتۇن » ) لار ئارىسىدا قالغانلىقىنى ، ياكى ئۆزى ئېلىشىپ قالغانمۇ ، ياكى كىشىلەر راستتىنلا بوزۇلغانمۇ ، ھەر ھالدا جاھانغا جاپا تولۇپ ، ۋاپا بۇرھانغا ئۆچۈرۈلغانلىقىنى زارلاپ تىلغا ئالىدۇ . ئۇ ھەتتا ، ياۋا كىيىكلەر بىلەن ئۆلپەت بولۇپ ، ئوت - چۆپ يەپ ، يامغۇر سۈيى ئىچىپ ، قۇمنى تۆشەك ، تاغارنى كىيىم قىلىپ چۆل - باياۋانلارغا چىقىپ كەتكۈسى كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ . بۇ زاھىتلىق تەركىيدۇنىيالىقى ئەمەس ، بەلكى بىزارلىق سەرگەردانلىقى ئىدى ، ئەلۋەتتە .

مۇتەپەككۇر غەزەپ ئۇچقۇنلىرى بىلەن قايغۇ كۆز ياشلىرى ئارىسىدا ئۇلۇغ بىر ھەقىقەتنى تىلغا ئالدى . ئۇ بولسىمۇ 6575 - بېيىتتىكى ئىنساننىڭ فېئودالىزمدىكى يەنە بىر قىتىملىق ياتلىشىشى ، ئۆز ماھىيەتلىرىنى يوقىتىپ قويۇشى ئىدى . شائىر مۇنداق دەيدۇ :

كىشى ئاتى قالدى ، يوقالدى كىشىلىك ، قايان كەتتى كىشىلىك ، كەينىدىن باراي مەن .

فارابىنىڭ ھەسەتخورلىرى بولغاندەك ، ئىبىن سىنانىڭمۇ ھەسەتخور رەقىبلىرى بولغان . يۈسۈپ خاس ھاجىپ « چايان » ۋە « چۆكۈن » لەر ھەققىدە يازغاندەك نەۋائىمۇ « ئىتلار » ھەققىدە يازغان . ئەمما پەقەت يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئەلىشىر نەۋائىلا ئىنسان ماھىيەتلىرىنىڭ يوقىلىشى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانىدى . نەۋائى : « مەن سېنى قانداق تاپۇرمەن مەن ئۆزۈمنى تاپمىسام » دەپ يازدى . كارل ماركىس بۇنى « ئىنساننىڭ ياتلىشىشى » دەپ بىر جۈملە سۆزگە ئىخچاملىغانىدى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ « ئارزۇ تاپتىم كىشى تاپمىدىم » ( 6567 - بېيىت ) دېگەندە ، ئۆز ئىدىيىلىرىنىڭ ئۇتوپىيىلىكىنى ھېس قىلدى . دەرھەقىقەت ، شۇ زاماندا پۈتكۈل قاراخانىيلار

405-بەت

خانلىق پەيدا بولۇش، مۇستەھكەملىنىش، راۋاجلىنىش، گۈللىنىش، چۈشكۈنلىشىش، ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت تارىخىي جەرياننىڭ گۈللىنىشتىن چۈشكۈنلىشىشكە يۈزلەنگەن باسقۇچىنى باشلاۋاتقاندى. بۇ رىم ئىمپېرىيىسى سىياقىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار باشتىن كەچۈرگەن «ئۆرلەش - چۈشۈش» ھادىسىسىنىڭ مۇقەررەرلىكى ئىدى، خالاس.

ئالىمنىڭ پەرىشتىدەك ياخشىلار كەتتى، يامانلار قالدى، قانۇن - نىزاملار بىكار قىلىندى، دېگەنلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ ھامىيسى بۇغراخان ۋاپات بولغان ياكى ھامىيلىقىنى داۋاملاشتۇرمىغان، قانۇن - نىزاملار بۇزۇلغان ياكى بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەت توقۇپ چىقىشقا ئاساس يوق. بىراق ھەر ھالدا «قۇياش» سېلىككەنىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېينى زامان ئەخلاقىي بولغۇنۇشلاردىن قاتتىق زارلانغان ۋە بىزگە گۈللىنىشتىن كېيىنكى چۈشكۈنلىشىشنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولىدىغان سەلبىي تەسىرى، ئىنساننىڭ مەنىۋى ماھىيەتلىرىنىڭ ياتلاشقانلىقى، شۇنىڭدەك ئىلغار ئۇتوپىك پىكىرلەرنىڭ داۋاملىق ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىر ۋە ئۆچۈرلەر قالدۇرۇپ ئۆتتى.

8. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىچكى مەسىلىسى

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىنىڭ مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا كىتابىمىزنىڭ ئالدىنقى پەسلىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەنتۇق.

ئودغۇرمىشنىڭ بەخت سىمۋولى ئايتولدى بىلەن ئەقىل -

406-بەت

بىلىم سىماسى ئۆگدۈلمىشنىڭ تۇغىنى سۈپىتىدە بۇ كاتېگورىيىلىك پېرسوناژلارغا تۇتاشقان سىمۋول ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەپ بىلىنەر — بىلىنمەس جىكىلەپ ئۆتكەن. ئۆدغۇرمىش ئۆزى بىلىملىك ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر بولۇپ، ئومۇمەن پاكلىقنىڭ گەۋدىلەندۈرگۈچىسى، خۇسۇسەن «قانائەت ۋە تاقائەت» نىڭ گەۋدىلەندۈرگۈچىسى [8].

ئۆدغۇرمىش ئەخلاقىي بولغۇنچىلار باش كۆتۈرگەن رېئال دۇنيادىن خۇددى بۇددىزم ئىختىراچىسى ساكياموندەك سەلەبىي، پېسسىمىزملىق يەكۈن چىقىرىدۇ. يەنى رېئاللىقتىكى ئاۋامغا قارىتا «قانائەت» دەۋەت قىلىش؛ ئۆزىگە نىسبەتەن تەركىدۇنيا تەرىقەتچىلىك يولىنى تۇتۇش.

ئۆدغۇرمىشنىڭ رېئاللىقتىكى بولغۇنچىلارنى ئەيىبلىگىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، تەنقىدىي رېئالىستىك پائالىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ رېئاللىقتىكى تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىشى، رېئال ۋە جانلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن يۈز ئۆرۈشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان، غەيرىي رېئالىستىك، پاسسىپ پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۆدغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئاساسلىقى ھەقىقىي پاكلىق بىلەن ھەقىقىي ئىبادەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ئاساسىي ۋاستىسىنىڭ پۈتۈنلەي قېرىپ، خىزمەت ئىقتىدارىدىن قېلىشتىن ئىلگىرى جەمئىيەتتە تۇرۇپ، خەلق ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىلىم - پەن ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بولۇشى، قېرىلىق مەزگىلى يېتىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىبادەت قىلىشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويسىمۇ بولىدىغانلىقىغا مەركەزلىشكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى بولغان ياخشىلىق، خەيرلىكنى خەلق ئىشلىرىغا قارتىش لازىملىقىنى، بۇنىڭغا زار - زار موھتاج

407-بەت

بولۇۋاتقان ئوبيېكت پىكرى بولماستىن، بەلكى خەلق ئىكەنلىكى تولىمۇ روشەن تىلغا ئالغان.

ئويغۇرمىش ئاۋامغا قارىتا دەۋەت قىلغان «قاناەت»، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى پاكلىق ۋە ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ۋە شەرتى بولۇپ، بۇ قىممەتلىك جاۋاھىر ھازىرغىچە ئويغۇرمىشتىن ئىبارەت تەركىدۇنيائىچى زاھىتنىڭ يىرتىق خالتسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىنمىدى. ھەتتا بىر مەھەل «شاكىلىنى ئىرغىتىپ» تاشلاش قاتارىدا ئىرغىتىپ تاشلاندى.

شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرلىك پەلسەپە تارىخىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەر «مەقسەتدارلىق (تېلېئولوگىيە)» نەزەرىيىسىنى تەڭرىنىڭ ئالەم يارىتىشتىكى مەقسەتدارلىقىنى نەزەردە تۇتقان دەپ قاراپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشىۋاتقاندا، «قاناەت»، «شۈكرى - ئىنساپ»، كۆك زىننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ئۆزىنى يېڭىش»، «ئۆزىنى تۇتۇش» تەلىماتلىرىنىمۇ پائالىيەتسىزلىك، ئۈمىدسىزلىك تەشۋىقاتى دەپلا، قاراڭغۇ ئوت قايناملىرىغا ئىرغىتىپ تاشلاشتى. ئەسىرلەر ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت ئىككى نەرسىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى — ئىنسان ئۆز - ئۆزىنى مەقسەت قىلىش لازىملىقىنى، ئىنسان پۈتۈن پائالىيەتلەر ئارقىلىق قۇربان قىلىنىدىغان ۋاسىتە بولماي، ئېرىشىلىدىغان ھەقىقىي مەقسەت ئىكەنلىكىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك زۆرۈرلۈكىنى، مۇنداق تورمۇز، كونترول، گارمونىيەلەشتۈرگۈچى ئامىل بولمىسا ئىنسانىيەت بالايىئاپەت گىرداۋىغا قاراپ چۆكۈرلەپ بارىدىغانلىقىنى — ھېس قىلماقتا. زامانىمىز مۇتەپەككۇرلىرى پەلسەپە ئەخلەتلىكىگە تاشلىنىپ كەتكەن بۇ ئىككى جاۋاھىرنى قايتا ئىزدەمەكتە.

408-بەت

فارابى گرېك پەلسەپىسى تەسىرىدە بىلىم بىلەن بەختنى بىرلەشتۈرۈپ پازىل (سىۋىلىزاتسىيىلىك) جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇنى ئادالەتلىك قانۇن ۋە ئۆزىنى تىزگىنلەش («قانائەت») بىلەن تولۇقلاپ، ئوتتۇرا ئەسىر مۇھىتىدا سىۋىلىزاتسىيىلىك جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى تۆتتە كۆپەيتتى. بۇ ئەبەدىيلىك قىممەتكە ئىگە مۇھىم سىۋىلىزاتسىيىلىك چۈشەنچە ۋە كاتېگورىيە بولۇپ ھېسابلىنىشى لازىم.

«قۇتادغۇبىلىك» سەھىپىلىرىدە قانائەت ھەققىدىكى مۇھىم بېيىتلاردا مۇنداق دېيىلگەن:

يانا ئايدى بىلگە بۈگۈ سۆزلەدى ئۆزۈن تۇتمۇماز ئەر باشىن يەر تەدى [ئالىم ھەم ھېكمەتلەر يەنە سۆزلىدى، ئۆزىنى تۇتمىغان ئەر بېشىنى يەر دېدى.] (2518 - بېيىت) سۆز ئاسغى ئول ئول كۆر ئەشتىمىش سۆزۈگ ئالىپ ئىشقا تۇتسا كۆنۈتسە ئۆزۈگ [بۇ سۆز پايدىسى شۇ ئېشتىكىنىنى — تۇتۇپ چىڭ، ئەيلىسە دۇرۇس ئۆزىنى.] (5434 - بېيىت) قاتىغلان ئوقۇش بىرلە باسغىل ھەۋا ھەۋاقا باسقسا بولۇر ئەر ياۋا [تىرىش، ئەقلىڭ بىلەن يېڭىلسۇن ھاۋا، ھەۋەستىن يېڭىلسە، بولۇر ئەر ياۋا.] (5403 - بېيىت) ئاي ئەلگ بۇ نەفسىڭ ياغلا قاتىغ تىلەكنى بەرمە يەتۈرمە تاتىغ [ئېلىگ، قاتتىق تۇرۇش ئۆز نەپسىڭ بىلەن، تىلىكىنى بەرمە، زوقلاندۇرما سەن.] (5318 - بېيىت) قامۇغدا ئەسزەرەك ياغى بۇ تۇرۇر

409-بەت

مۇڭار ئەتگۈ قىلسا بۇ ئەسىز قىلۇر [ھەممىدىن يامانراق يىغى شۇ غۇرۇر، قىلساڭ گەر ياخشىلىق، يامانلىق كېلۇر.] (5319 - بېيىت)

كۆزى سۇققا توتمەز بۇ دۇنيا پۈتۈن بارى تاپ تەگۈچى تىرىلدى قۇتۇن [كۆزى ئاچقا يەتمەس پۈتۈن بۇ جاھان، قانائەت قىلغانلار بختلىك ھامان.] (5389 - بېيىت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنى تۇتۇش، قانائەت قىلىش توغرىسىدا سۆزلىگەندە، مۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىجابىي جەھەتتىن ئىزاھلاشتىن تاشقىرى، يەنە تۆۋەندىكى يامان ئاقىۋەتلەرنى تىلغا ئالىدۇ:

بىرىنچىدىن، قانائەتسىزلىكنىڭ چېكى يوق، مىڭ يىل ياشىغاندىمۇ تىلەككە قانمايدۇ، ۋەھالەنكى، ئەمەلدە بۇ ئورۇندالماس خام خىيال بولۇپ، ئۆمۈر ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

تىلەكىن تىلەگلى تۈكەلىن تىلەر تىلەكىن تۈكەتسە تۈكەرچىن تەمام [تىلەر ھەر تىلەكنى، كىشى ئارزۇلاپ، تىلەككە يەتكۈچە بولۇر ئۇ خاراپ.] (5432 - بېيىت)

ئانى قودماسا سەن سەنى قودغا ئوق ئاغار تودماسا سەن ساڭا تودغا ئوق [ئۇنى قويمىساڭ سەن، سېنى ئۇ قويۇر، ئۇڭا تويمىساڭ سەن، ئۇ سەندىن تويۇر.] (4738 - بېيىت)

410-بەت

ئىككىنچىدىن، دۇنيا قانۇنىيىتى شۇكى، ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولىسەن، ئۆزۈڭنى توتماي قانائەتسىزلىك قىلساڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىسەن، دېگەن قاراش.

بۇ دۇنيا ئېچى بىر تارغلاغ تۇرۇر نەگۇ ئەكسە مۇندا يارىن ئول ئۆنۈر [بۇ دۇنيا ئىچى بىر تېرىلغۇ ئېرۇر، نېمە ئەكسە تاڭلا شۇ نەرسە ئۈنۈر.] (4733 _ بېيىت)

بۇ قاراش داستاننىڭ 4734 _، 4735 _ بېيىتلىرىدىمۇ ئىزچىللاشقان.

ئۈچىنچىدىن، ئۆزىنى چەكلىمىگەن يامان ئاتاققا قالىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ نامىنى يامانلىق بىلەن قوشۇپ تىلغا ئالىدۇ. مۇنداق بېيىتلار نۇرغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر مىسالى مۇنداق:

كىشى ئەدگۈ ئاتىن كۆز ئالقىش بولۇر ئاتىقمىش ئەسسىز ئۆلسە قارغىش بولۇر [كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر، يامان ئاتلىق ئۆلسە، ئۇ قارغىش ئالۇر.] (246 _ بېيىت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، شەخسىي نەپسانىيەت، ئۆلۈم، ياخشىلىق قالدۇرۇش ئېھتىياجى يوقلۇقى، مەغرۇرلۇق، دەرغەزەپلىك، تەرسالىق، چىرىكلىك، غەپلەتتە خىيالغا بېرىلىش، يەڭگىلتەكلىك قاتارلىقلارنى ئىنساننىڭ ئۆز _ ئۆزىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن يېڭىشى لازىم بولغان سەلبىي ئىددىيىۋى _ كەيپىياتلار قاتارىغا كىرگۈزگەن، ئۇلارغا قارىتا ئەڭ كېسكىن جەڭ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

411-بەت

9. قىسقىچە يەكۈن

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقشۇناسلىق كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرا شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشنىڭ تارىخىي ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلىدى. بۇ بىر قىسىم تەرەققىيپەرۋەر فېئودال زىيالىيلار تەبىقىسى بىلەن، كەڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، قول سانائىتى بازىسىدا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە قاتناپ تۇرغان يىپەك يولى سودا - تىجارەتچىلەر تەبىقىسىنىڭ نىسبەتەن ئىلغار ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقشۇناسلىق ۋە ئائىلە - نىكاھ قاراشلىرى ئۇنىڭ دۆلەت ۋە قانۇنشۇناسلىق تەلىماتى بىلەن قوشۇلۇپ بىر پۈتۈن سىياسىي - قانۇن پەلسەپىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقشۇناسلىق قاراشلىرى ئوتتۇرا ئەسىر تەقدىرچىلىكى تەرغىباتىغا زىت ھالدا، كىشىنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى مەسىلىسىنى كىشىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە، سوبيېكتىپ خاھىشى ۋە تىرىشچانلىقى مەسىلىسىگە كۆتۈرۈپ ئىزاھلىغانلىقى تۈپەيلى ئالاھىدە پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە بولدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئوتتۇرا ئەسىر فېئودال مۇتەپەككۇرىنىڭ ئائىلە ۋە ئەخلاق كۆز قاراشلىرى ئېغىر نۇقسانلاردىن خالى بولالمىغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىق - يامانلىقتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئەخلاقىي كاتېگورىيىلەر بىلەن كىشىنىڭ پسىخىك مىجەز - خاراكتېرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ياخشى - يامان ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى تۇغما بولىدۇ، دەيدىغان

412-بەت

خاتا كۆز قاراشتا بولدى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ نىكاھ ۋە ئائىلە مەسىلىسىدە ئوتتۇرا ئەسىر يۇقىرى قاتلام تەبىقىلىرىگە ئادەت بولۇپ كەتكەن ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش كۆز قارىشىنى تەرغىب قىلدى . ئۇ بىر تەرەپتىن، ئەرلىك بولۇپ نىكاھتىن ئايرىلغان، قىزلىق ئىپپىتىنى ساقلىيالمىغان ئايال بىلەن نىكاھلاشماسلىقنى تەلەپ قىلسا (4477 - بېيىت) ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىدىن نەسەب ۋە ئىقتىسادىي روزىغار تەرەپتە تۆۋەن بولغان قىزغا ئۆيلىنىپ، ئەرلىك ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش (4491 - ، 4496 - بېيىتلار) نى تەلەپ قىلدى .

ئەپسۇسلىنىشقا تېگىشلىكى يەنە شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ئايالنى ئېزىز تۇت» (4519 - بېيىت) دېگەن ئىجابىي قارىشىغا خىلاپ ھالدا، يەنە پۈتكۈل ئايال جىنسىغا كەمىستىش، ھەتتا نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ، ئۇلارنى «كۆزەتسە بۇزۇلىدىغان گۆش» (4519 - بېيىت) ، «كۆڭلى ئاغدىغان ۋاپاسىز» (4521 - بېيىت) ، «قىزىل يۈز جەسۇر باتۇرلارنى ۋەيران قىلغان ئېزىتقۇ» (4523 - ، 4524 - ، 4525 - بېيىتلار) دېگەندەك ئىلمىي زىت، ھەتتا ئىنتايىن زەھەرلىك كۆز قاراشتىن ئۆز كەچمىدى . ئۇ مۇشۇنداق تىپىك فېئوداللىق نۇقتىئىنەزەر ئاساسىدا ئاياللارنى ئۆيدە مەستۇرە ھالەتتە تۇتۇش (4513 - بېيىت) ، سىرتقا چىقىرىپ ناتونۇش ئورۇنلار ۋە مېھماندارچىلىققا ئېلىپ بارماسلىق (1304 - ، 4818 - بېيىتلار) ، ئۆيگە يات ئەركەكلەرنى يولاتماسلىق (1303 - ، 4514 - بېيىتلار) توغرىسىدا ئېغىز ئاچتى .

413-بەت

تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 1303 _ ، 1304 _ ، 4510 _ ، 4511 _ ، 4512 _ بېيىتلىرىدىن قىزنىڭ پەرزەنت سۈپىتىدە تۇغۇلماسلىقى، تۇغۇلغان ئىكەن ئۇنىڭ ئورنى سېرىق تۇپىنىڭ تېگىدە بولۇشى، قىزنى ۋاقتىدا ياتلىق قىلىپ ئۆيدە ئۇزاق تۇتۇپ تۇرماسلىق توغرىسىدىكى ناتوغرا پىكىرلەرنى كۆرىمىز. بۇ خىل چىرىك فېئوداللىق كۆز قاراش مەيلى نۇقتىئىنەزەر ياكى ئاپتورنىڭ شەخسىي سەرگۈزەشتىلىرى تەسىرىدە ئاچچىق غەزەپ ئىچىدە شەكىللەنگەن بولۇشتىن قەتئىينەزەر (بۇ بىر ئېھتىماللىق)، يالغۇز ئەينى زامان شارائىتىدا ئاياللار پاجىئەسىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە مۆتەپەككۇرىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرىدىكى زىددىيەتچان قاراڭغۇ بولۇشىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەپ بەردى. تارىختىكى كۆپلىگەن تىراگېدىيىلىك داستانلارنىڭ ئايال قەھرىمانلىرى، جۈملىدىن زىبۇننىسا، نادىرە، ئۇۋەيسى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجتىمائىي پاجىئەلىرى ئەينى زامان شارائىتلىرى بىلەن بىللە، يەنە مۇنداق ناتوغرا كۆز قاراشلار تۈپەيلى نىجادىيەتسىز قالغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش تۈپكى قاراشلىرى قانائەت ئېگى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېگىدىن تاشقىرى، يەنە «ئىككى دۇنيا»، «دوزاخ - جەننەت»، «قىيامەت سۇرىقى» قاتارلىق روھانىيەتچىل ئاڭنى ئۆزىگە تىرەك قىلغان.

بىز ئارقىدا ئۆتكەن توققۇز ئەسىرلىك غايەت زور ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ئۆزگىرىش ئاساسىدىلا يۇقىرىقى نۇقسانلارنى

414-بەت

كۆرىۋاتىمىز. غاربدا ئۆتكەن توققۇز ئەسىرلىك تارىخ مۇتەپەككۇرنىڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىلغار قاراشلىرىنى تەنتەنە قىلدى ۋە ئۇ ئەبەدىي تەنتەنە قىلغۇسى.

415-بەت

VIII باب «قۇتادغۇبىلىك»تە پەن ۋە مائارىپ مەسىلىلىرى

«ئالىم، مۇئەللىمسىز قالسا گەر زامان، نادانلىق ئىسدىن قارايغاي جاھان.» — ئابدۇراخمان جامى

1. «قۇتادغۇبىلىك»تە پەن ۋە مائارىپ مەسىلىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قامۇس خاراكتېرلىك ھېكمەت داستانى «قۇتادغۇبىلىك»تە، مەدرىس پەلسەپىسى [7] تەرەپدارلىرىدىن پەرقلىق ھالدا بىلىش ئىقتىدارى، بىلىش جەريانلىرى قاتارلىق ئابستراكت كاتېگورىيەلەردىن ھالقىپ چىقىپ، بارلىق بىلىش پائالىيىتى ۋە جەريانلىرىنىڭ، بارلىق ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئۇتۇقى ۋە جەۋھىرى بولغان ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلاردا ئىلىم ۋە تەربىيە قەدىمكى زامانلاردىلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىبارلىق ئىشى سانىلاتتى. «ئۆگ» ئىبارىسىنى توپ سۆز قىلىپ تۈرلەندۈرۈلگەن «ئۆگەن» (ئۆگەن) ، «ئۆگرەت» (ئۆگەت) ، «ئۆگ تۇت» (ئەستە تۇت، زېھنىڭگە

416-بەت

ئالى) ، «ئۆگۈت» (نەسىھەت) دېگەن سۆزلەر قەدىمكى مەڭگۈ تاشلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مانىزىم دەۋرى يازما مەنبەلىرىدە كەڭ ساقلانغان. يېتىم بالىنى «ئۆگۈسۈز» دەپ ئىپادىلىگەنلىكىمۇ «تەربىيەچىسى يوق» دېگەن مەنىدىن كەلگەن. «ئالتۇن يارۇغ» دا: «بىلىگە بىلىكدە ئۆگرەتمەكتە» (ئالىم تەلىم بەرمەكتە) دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە پەن ۋە مائارىپتا ئالدىنقى ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسىدە ئۆز ئىلمى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئۇستاز — ئاقارى ۋە ئالىم — بىلىگىلەر ئەينى زامان ئۇيغۇر پەن ۋە مائارىپىنىڭ تارىخى پۇتۇقلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئىدى. فارابى ۋە كېلىكدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدە شەكىللەنگەن «بەيتۇلھېكمە» ئاكادېمىيىسىنىڭ چىرىغىنى نۇرلاندۇرغان بولسا، غەزالى، ئىبنى تېمۇر كېلىكدىكى يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار خەلىپە ئاكادېمىيىسىگە شۆھرەت بېغىشلىغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم — پەننى ئىنسان قەدىر — قىممىتىنىڭ ئۆلى، ئىجتىمائىي بەخت — سائادەتنىڭ كۈچلۈك تىرىكى، ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ نۇرانە چىرىغى، دۆلەتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى بېيىتىشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى سۈپىتىدە يۈكسەك مەدھىيىلىدى. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھەربىر تېماتىك ماۋزۇسى مۇشۇ يادرولۇق ئىدىيىدىن ئايرىلىپ بايان قىلىنغان ئەمەس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنگلىز پەيلاسوپى فرانسىس بېكون (1561 — 1626) [8] دىن بەش ئەسىر ئىلگىرىلا بىلىمنىڭ قىممەت، چىراغ، كۈچ ۋە ھەقىقىي قورال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ «بىلىم بىلەن ئىنسان قەدىرنى تاپىدۇ» (147-بېيىت) ، «بىلىم بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ» (155-

417-بەت

بېيىت) ، «بىلىم يېڭىلمەس كۈچ» (2447 - بېيىت) ، «قولىمۇ ئۇلۇغ قىلالايدىغان» (152 - بېيىت) ، «كۆكمۇ يول ئاچالايدىغان» (208 - بېيىت) ، «تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدىغان» (3168 - بېيىت) ، «ھەممىگە قادىر» (302 - بېيىت) كۈچ ، شەخسىي ئۈچۈنمۇ، دۆلەت ئۈچۈنمۇ، ئىززەت ئۈچۈنمۇ، سائادەت ئۈچۈنمۇ بىلىم كېرەك، دېگەن ئىدىيىنى كەڭ تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭچە، بىلىم ئادەمنىمۇ، جەمئىيەتنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ، كامالەتكە ئىگە قىلىدۇ، «بىلىم ئۆزى بىر ئىبادەت» (3222 - بېيىت) ، «بىلىم ھەتتا دوزاخ ئىشىكىنى پېچەتلەپلىۋېتىدۇ» (3223 - بېيىت) ، «بىلىمسىز قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ» (3224 - بېيىت) ، «بىلىمسىزنىڭ ئىبادىتىدىن بىلىملىكنىڭ ئۇيقۇسى ئەلا» (3225 - بېيىت) ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپچە بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەممە جەھەتتىن ھېچكىم مۇنداق شەرھلىيەلمىگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم - پەن تۇغما ئىقتىدار بولماستىن تەلىم - تەربىيەنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارىدى ۋە ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىدىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە، ئەقىل كىشىنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرگىنىدەك، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ بىلىم تەھسىل قىلىش ئەھۋالى، بىلىم قورۇلمىسى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم ئېلىنى قوللاش، ئۇنىڭغا ھامىيلىق قىلىش توغرىسىدا دۆلەت باشلىقىغا مۇھىم تەكلىپلەر بېرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئۇلۇغۋار راتسىئونالىست، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتى توغرىسىدىكى بېباھا ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنساننى بىلىم بىلەن باغلاپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنى بەرپا قىلىشنى يەنىلا بىلىم بىلەن بايان قىلغان. بىلىم

418-بەت

مەسىلىسى مۇستەسنا قىلىنغان ھالەتتە «قۇتادغۇبىلىك» نى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

2. «قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەلىم - پەن ۋە ئىلمى ئەھلى ھەققىدە

ئاپتور «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئىلىم - پەننى ئومۇمىيۈزلۈك مەدھىيىلەشتىن تاشقىرى، ھەرقايسى پەنلەر توغرىسىدا روشەن توختالغان ياكى خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئالىمنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ موللۇقى، ئىلمىي سەۋىيىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن تاشقىرى، بۇ ئۇنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدىكى پەنلەرنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش بىلەن بولغان بىۋاستە، ئىچكى باغلىنىشى ھەققىدىكى دىئالېكتىكىلىق ۋە تارىخىي قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. بولاردىن تاشقىرى ئالىمنىڭ ھەرقايسى پەنلەر ھەققىدىكى بايان ۋە ئۇچۇرلىرى ئەينى زامان ئىلىم - پەنلىرى تۈر ۋە ساھەلىرىنىڭ خېلىلا ئىنچىكىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەخلىسىز - مۇقەددەس دەپ قارالغان بىردىنبىرلىك ئىدېئاسىنى كۆچەيتىۋاتقان ئىسلام ئەقىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، پىسخولوگىيە، تارىخ، شېئىرىيەت، تىلشۇناسلىق، چەت ئەل تىلى، قانۇنشۇناسلىق، مائارىپ، ئەخلاقشۇناسلىق (ئېتىكا) ، ھەربىي ئىلىم، تەنھەرىكەت، فولكلور قاتارلىق كونكرېت پەنلەرنىڭ نوپۇزىنى تىكلەيدۇ، پەن ئالىملىرىغا ھامىيلىق قىلىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەينى زامان ھۆكۈمرانى بۇغراخان ئەبۇئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلانخان ئۈچۈن

419-بەت

تەكىلىپ ۋە تەۋسىيە قىلىنغان ھەرقايسى پەن ساھەلىرىدىكى بىلىملىك ئالىملار ۋە شائىر ئەدىبلەرگە قارىتىلىدىغان سىياسەت ۋە مۇئامىلىدە ئۆزلۈكنىڭ تەشەببۇس قىلىنىشى، مۇتەپەككۇرنىڭ ئەينى زامان مۇھىتىدا نەقەدەر ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 4341 ، 4342 ، 4343 ، 4350 ، 4351 ، 4353 بېيىتلىرىدا ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ:

تاقى بىر قۇتۇ بىلگە ئالىملەر ئول ئۇلار ئىلىمى خەلققا يارۇتتۇچى يول [يەنە بىر گۇرۇھ ئۇ ئالىملار ئېرۈر، ئۇلار ئىلمى خەلقنىڭ يولىن يورۇتۇر.] ئولارنى قاتىغ سەۋ ئاغىرلا سۆزىن بىلىكلەردىن ئۆگرەن ئۆكۈش يا ئازىن [قاتتىق سۆي ئولارنى، قەدىرلە سۆزىن، تولا ياكى ئازدۇر ئۆگەن بىلىگنىن.] بۇلار ئول يارار يا يارامازلارىغ سەچىپ ئادرا تۇتغان كۆنى يول ئارىغ [ياراملىق يارامسىزنى قىلىپ پەرقى ئۇلار، تۇتار پاك پاكىزە يولنىلا شۇلار.] تىلىن ئەرمە سەرمە تۈز ئەتمەك يە تۇر ئاغىر تۇت ئولارىغ ئاغىرلا كۆتۈر [قوپال سۆزلىمە، ئاش تۇزۇڭنى يېدۈر، ئولارنى قەدىرلەپ، ئەزىزلەپ كۆتۈر.] ئېشت ئىلمى ئىشلەت تىلىن سوگداما يا قىلغىن قىلىنچىن ياۋۇز تەپ تەمە [ئېشت گەپ سۆزىنى، ئىشلەت ئىلمىنى، يامانلاپ يۈرمە سەن خۇي پەيلىنى.] بۇلار ئول سۆزۈك قۇيقا ئەركەچ سانى قويۇغ باشلاسا سۆرسە يولچا كۆنى

420-بەت

[ئۇلار قوي پادىسى ئىچىرە سەركىدۇر، ئۇ باشلاپ ماڭسا قوي تۈز يولدا يۈرۈر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالىملارنىڭ خۇلۇق - سەجىيە جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىگە، خۇسۇسىي نۇقسانلىرىغا قاراپ ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئۇلارنى ئەيىبلەش پايدىسىز، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ خەلققە مەنپەئەتلىك ئىلمىي ئىشلىرىنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېگەن سۆزى ئۇنىڭ ئىلىم - پەن ھامىيسى بولۇشتەك نۇرانە ئوبرازىغا تېخىمۇ ھۆسن قوشىدۇ.

ئۆز زامانىسنىڭ ئۇلۇغۋار مەرىپەتچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر تەرەپتىن ئىلىم ئىگىلىرىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارنى ئەتۋارلاش توغرىسىدىكى تۇنجى ئىسلاھات تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ فېئوداللىق ئىجتىمائىي تۈزۈم شارائىتىدىكى خارلىق، مۇھتاجلىق ۋە پاجىئەلىك ھاياتىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر رۇبائىيسىدا ئەرزىمەس بايلارنىڭ قۇلى ھەممىگە يېتىدىغانلىقى، ئالەمشۇمۇل پەيلاسوپلارنىڭ مۇھتاجلىق ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى مۇنداق ئىخچام جۈملىلەر بىلەن سۈرەتلەيدۇ:

كۈمۈش بولسا دۆلەت ئوزادى ئەلىگ قامۇغ تەتۈرۈسى ئۇلۇغ سۆزى ئۆگ، بىلىگ ئەژۇن پەيلاسوفى نەچى بولماسا، نېچە تىلدام ئەرسە كىشالدى تىلىگ [ئەگەر كىم باي ئەرسە تىلسىدۇر تۆزۈن، ھەممە تەتۈرى ئۇلۇغ، يۈرگۈزەر سۆزۈن. جاھان پەيلاسوپى مالى بولمىسا، قانداق دانا بولسۇن چەكلەگەي كۆزۈن.]

421-بەت

بىز داستاننىڭ «كىتاب ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھەتى» نامىدىكى خاتىمە خاراكتېرلىك قەسىدىسىدىن ئەينى زاماندا «بىلىملىكلەر كىشەنلىك، نادانلار ئازاد»، «بىلىملىك غەمكىن، نادانلار شادمان» ياشىغانلىقى توغرىسىدىكى تارىخىي مەنزىرە ۋە ھەققانىي شىكايەتنى روشەن ھېس قىلالايمىز.

3. «قۇتادغۇبىلىك»تە گۈزەللىك ۋە شېئىرىيەت ھەققىدە

گۈزەللىك — «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھەقىقىي سىماسىدىن ئىبارەت بولسا، شېئىرىيەت ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلىدىن ئىبارەت ئىدى.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھاجەتكى، «قۇتادغۇبىلىك» كلاسسىك قامۇسى ئەسەر سۈپىتىدە روشەن ۋە خاس بەدىئىي قۇرۇلما شەكلىدە يېزىلغان. ئەسەرنىڭ پەلسەپىۋى دىداكتىك تۈسى، شېئىرىي ۋە دراماتىك تۈزۈلمىسى بىلەن ئۇنىڭ تىل، پېرسوناژ، ئوبراز، تەسۋىر، ئوخشىتىش ۋە بايان قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئېستېتىكىلىق پرىنسىپ ۋە ماھارەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇ ھال «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ غايەت زور پەلسەپىۋى مەزمۇنلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېستېتىكىلىق شەكلىنىڭ بىرلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەسەر يەنە گۈزەللىك ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت قىممەتلىك قاراشلارنى تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى گۈزەللىك («كۆرك»، «كۆرۈكلۈك»)، نەپىس («تالۇ»، «ئۆدرۈلمىش»)، زوق، لەززەت («تاتىغ») قاتارلىق ئېستېتىكىلىق كاتېگورىيىلەرنى قەدىمكى زاماندىلا ئۆز تۇرمۇشىدا قوللىنىشقا

422-بەت

باشلانغان. «ئوغۇزنامە» ئېپوسى ئۆز زامانىسىدىلا گۈزەللىك توغرىسىدا توختالغان. «ئىرق پۈتۈك»تە: «نى كۆرۈكلۈك ئول» (ئۇ نېمانچە چىرايلىق) ، «ئۇيغۇرچە مانى تېكىستلىرى»دە: «ئۆدرۈلمىشلەرگ ئۆزرەتتى» (نەپىسلىرى تاللاندى) ، «ئالتۇن يارۇغ» دا: «ئۆترۈ ئېلىگلەرىن ئۆرۈ كۆتۈرۈپ ئۆلىمۈ سۈپەتيۈ ئىنچاتىپ تاغشۇردىلار» (ئاندىن كېيىن قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا مۇڭلىنىپ شېئىر ئوقۇدى) ، «تاتلىق شلۇق تاغشۇت» (خۇش ئاۋاز شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۇيغۇر ئېستېتىك ئېڭى ۋە شېئىرىيىتىگە ئائىت مۇھىم تارىخىي مەنبەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئىنساننىڭ تەبىئەت ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىگە بولغان كۆپ قىرلىق ئېستېتىك مۇناسىۋىتى، كىشىنىڭ ئەقىل - ئىدراك ۋە بىلىم ئىقتىدارىغا بولغان يۈكسەك باھا، ئىنسان قەلبىنىڭ گۈزەللىك ئىپادىلىرى، بەدەن گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭ خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى تەسىرى، گۈزەللىك بىلەن بەخت، گۈزەللىك بىلەن يېگىلىك توغرىسىدا قىممەتلىك تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرىدۇ، شېئىرىي سەنئەت ۋە شائىر توغرىسىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسمى ئورخۇن - سېلىنگا ۋادىسىدا ياشىغان دەۋرلەردىكى تەبىئىي مۇھىت شارائىتىغا ماسلاشقان تەبىئەت گۈزەللىكى قاراشلىرىدىن پەرىقلىنىدىغان قاراخانىيلار دەۋرىدىكى قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي مۇھىتى شارائىتىغا ماسلاشقان تەبىئەت گۈزەللىكى قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت گۈزەللىكى قاراشلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئورخۇن دەۋرىدىكى «تېلى قوشقى» دا تەبىئەت تەسۋىرى مۇنداق بېرىلگەن:

423-بەت

تۆرىدۇ تېلى دىيارى، تەسەكىي تىغى ئاستىدا. ئاسمانى گۈمبەزگە ئوخشايدۇ يانا، كەڭ دالانىڭ ئۈستىگە قاپقاق گويا، بىپايان كۆپكۆك ساما، چىكى يوق يايلاق دالا. سوغۇق شامال كۆرۈنەر قوي - كالالار چۆپ قوينىدا.

«قۇتادغۇبىلىك»تە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تەبىئەت تەسۋىرى ھەققىدىكى بېيىتلار كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا «چۆپ ئارىسىدىكى قوي - كالا» ئورنىغا «قوڭۇر زېمىننىڭ كافۇردەك ئاق قاردىن ئايرىلىپ ئىپاردەك قارايغانلىقى»، «دۇنيانىڭ گۈزەل ياسانماق بولغانلىقى»، «قوڭۇر يەرنىڭ يېشىل تاۋار - دۇردۇن كىيىپ، خۇددى قىتان كارۋىنى تابغاچ رەختىنى يايغاندەك بولغانلىقى» ئالماشقان.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئاپتورى گەرچە چىنلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ھەققىدە روشەن ئېستېتىكىلىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمىگەن بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە بەزى مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ بارغان. داستاننىڭ 2072، 2756، 2757، 5007، 5922 - بېيىتلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

كۈلەر يۈز سۈچۈگ سۆز سىلىڭ ئۆز كېرەك قىلىنچى بولارقا تۆكەل تۈز كېرەك [كۈلەر يۈز، چۈچۈك سۆز، خۇلۇقى تۈز كېرەك، قىلىقى بولارغا ئويغۇن، تۈز كېرەك.] كۆڭلۈك مۇن ئول بارچا ئەدگۈ ئاسغ بۇ ئاسغ بىلە بولدى مەڭگۈ تاتغ [دۇرۇسلۇق - دەسمايە، نەپى ياخشىلىق،

424-بەت

بۇنىڭلى تېپىلغاي مەڭگۈ تاتلىقلىق.] كۈنى بولسا يالڭۇق كۈنى ئەدەگۈ ئول كۈنى ئەدەگۈ بولسا قۇتى مەڭگۈ ئول [دۇرۇس بولسا ئىنسان كۈنى ئەزگۈدۈر، كۈنى ياخشى بولسا، قۇتى مەڭگۈدۈر.] سەۋىندى كۆر ئۆگدۈلمىش ئايدى جاۋاب ئەدى كۆركلۈك ئول بۇ يەمەكە سەۋاب [بولۇپ خۇش بۇ ئۆگدۈلمىش، قىلدى جاۋاب، دېدى: بەك گۈزەل بۇ، يەنە بەك ساۋاب.] بۇ ئەدەگۈ تۇرۇر كۆر كۆڭلۈك چىنى تېرىكلىك تۇرۇر كۆرسە ئەدەگۈ ئانى [ئېررۈر ياخشىلىق ئو، دۇرۇسلۇق چىنى، تېرىكلىك دەل شۇدۇر، كۆرسەڭ ئۇنى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ گۈزەللىكنىڭ ئاساسى ۋە شەرتى بولغان چىنلىق ۋە ياخشىلىقنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، مەنىۋى گۈزەللىك ئۈستىدە توختىلىدۇ.

شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىچكى گۈزەللىك ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، مەنىۋى گۈزەللىكنى — بىلىم ۋە ئەخلاقنى نەزەردە تۇتقان. ئۇنىڭچە، كىشىنىڭ ئىرادە ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاپ يېتىشتۈرىدىغان يۈكسەك مەنىۋى ئاساس مۇنداق ئىچكى گۈزەللىكنى شەكىللەندۈرەتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىمنى ئەخلاقنىڭ ئۆلى، مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە كۆپ قېتىم ئۇلۇغلىغان. ئۇنىڭچە، پەقەت نادانلىقلا جاھىللىق ۋە قەباھەتنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەلب گۈزەللىكىنى پىكىر، سۆز ۋە ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىشى كېرەك، دەپ ھېسابلايدۇ. كىشىنىڭ گۈزەللىكى سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدىغان (274 - بېيىت) بولغاچقا، پاساھەت بىلەن سۆزلەشنى (175 - بېيىت)، تىل بىلەن دىلنى بىرلەشتۈرۈشنى…

425-بەت

تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 4280 - بېيتىدا مۇنداق دەيدۇ:

قامۇغقا سەۋتمەك تىلەسە ئۆزۈڭ كۆڭۈل تىل بىرىكتۈر سۆچۈگ تۇت سۆزۈڭ [سۆيۈملۈك بولۇشنى تىلىسەڭ ئۆزۈڭ، كۆڭۈل، تىل بىرىكتۈر، چۈچۈك قىل سۆزۈڭ.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تاشقى گۈزەللىكنى، ھۆسن - جامال گۈزەللىكىنى ئىنكار قىلىدىغان نوقۇل روھانىيەتچىلىكتىن كېسكىن پەرقلىنىپ، ساھىبجامال گۈزەلنى كۆرۈشنى ئىشنىڭ ئوڭغا تارتقانلىقى ئۈچۈن بىر خاسىيەتلىك بېشارەت دەپ مۇبالىغىلىشتۈرىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 2468 -، 2469 - بېيىتلىرىدىن تۈزۈلگەن رۇبائىيسىنىڭ ئاخىرىدا:

قوپا كۆركلوگۈگ كۆر قىلسۇن ئۆزكە فال ئىشىڭ ئەدگۈ بولغاي قامۇغ سۆزنى ئۆز [قوپۇپ چاچ گۈزەلنى، كۆر، ئەيلە بىر پال، ئىشىڭ ياخشى بولغاي، بۆلەك سۆزنى قوي.]

دەپ يازىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ شەكىل ۋە مەزمۇن، تاشقى ۋە ئىچكى گۈزەللىكنىڭ ئىمكانقەدەر بىرلىك بولۇشىنى (2213 -، 2215 -، 2216 - بېيىتلار)، مەزمۇن ۋە ئىچكى گۈزەللىكنىڭ دائىم شەكىل ۋە تاشقى گۈزەللىككە نىسبەتەن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشىنى (5113 - بېيىت)، ئىنساننىڭ ئۆز تېشىنى بوياشقا ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسىنى بېزەشكە ئالدىرىشى (5112 - بېيىت) لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

داستاننىڭ 2213 -، 2216 -، 5113 - بېيىتلىرىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن:

426-بەت

كېمىنىڭ بولسا كۆرۈكلۈك يۈزى تاش ئۆزى تاشى تەگ يەمە كۆرۈكلۈك ئول ئىچ يۈزى [كىشىكى گۈزەلدۇر يۈزى ھەم ئۆزى، تېشىدەك چىرايلىق بولۇر ئىچ يۈزى.] تاشى كۆرسە تاپ تۇت ئىچىگە تانۇق تاشى تەگ ئىچى ئول ئىچى تەگ تاش ئول [تېشىنى كۆرۈپ بىل ئىچىگە گۇۋا، ئىچى ھەم بولۇر ئۇ تېشىغا ئوخشاش.] قامۇغ نەڭ كۆتۈرگۈسى ئىچتىن بولۇر ئىچى بولماسا تاش ياراماز قالۇر [پۈتۈن نەرسە ئۈستۈنلۈكى ئىچىدە بولۇر، ئىچى بولمىسا، تاش يارامسىز قالۇر.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ گۈزەللىكنىڭ كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم ئېستېتىكىلىق كۆز قاراشنى ئادەتتىكى ھالدا ئەمەس، بەلكى ئېستېتىكىلىق تەرىزدە تىلغا ئالغان. ئەھالەنىكى، بۇ خىل كۆز قاراشنى قەدىمكى گرېك ماتېرىيالىستى دېمۇكرىت ئېستېتىكىلىق تەرىزدە تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ رەسمىي بىر خىل گۈزەللىك توغرىسىدىكى ئېستېتىكىلىق تەلىمات سۈپىتىدە ئېنگلىز تەجرىبىچىلىرى [9] تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 2465 _، 2467 _ بېيىتلىرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

بۇ كۆرۈكلۈك يۈزۈگ كۆرسە يۈز سۆزلانۇر كۆڭۈل ئاچىلۇر ئاندا بۇ جان يەمەلەنۇر [گۈزەل يۈزنى كۆرگەن كىشى خۇشلىنۇر، كۆڭۈل ئېچىلۇر ھەمدە جان زوقلىنۇر.] ئەدى ئەدگۈ نەڭ بۇ كىشى كۆرۈكى يۈز بۇ يۈز كۆرۈكگە سۇۋ ئىچەر ئىكى كۆز

427-بەت

[كىشىچۈن نە ياخشى نەرسە — گۈزەل يۈز، ئىچەر سۇ بۇ يۈز كۆركىدىن ئىككى كۆز.]

«قۇتادغۇبىلىك»تە «تاتىغ» ئىبارىسى ئاستىدا گۈزەللىك ۋە ئېستېتىك زوق گەۋدىلەندۈرۈلگەن كۆپلىگەن بېيىتلار بار. ئۇ خۇددى لاتىنچە (Deloctare) ، فرانسۇزچە (Gouter) ، ئېنگلىزچە (Taste) ، نېمىسچە (Dellkat) «مەززىلىك» ، «كۆڭۈللۈك» ئىبارىلىرىدەك روشەن ئېستېتىك مەنىگە ئىگە بولغان .

«قۇتادغۇبىلىك»تە يېڭىلىق توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دىئالېكتىكلىق قاراشلار (687 — 689 - بېيىتلار)دا «گۈزەللىك — يېڭىلىقتۇر» دېگەن ئاجايىپ پىكىر ئۈندۈرمىسى ساقلانغان . «قامۇغ ئەسكى نەڭلەر ئېرەنجىگ بولۇر» (بارلىق كونا نەرسىلەر خۇنۈك بولۇر) ، «تالۇ نەڭ بولۇردا ياۋۇز نە كېرەك» (نېپىس نەرسە تۇرغاندا قوپال نە كېرەك) ، «ياڭىدا بولۇر كۆرسە بارچا تاتىغ» (نەزەر سالساڭ بارچە گۈزەللىك لەززىتى يېڭى نەرسىدە بولىدۇ) ! بۇ نېمىدېگەن ئاقىلانە مۇھاكىمە !

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، «قۇتادغۇبىلىك»تە سەنئەتنىڭ ئېستېتىك شەكلى بولغان مۇزىكا — ئۇسسۇللار ، مۇقام — مەشرەپلەر توغرىسىدا بايانلار ئۇچرىمايدۇ . بۇ جەھەتتە تەتقىق ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە ئائىت مەنبەلەردە مول مەزمۇنلار ساقلانغانىدى . ئەلىشىر نەۋائىي «مەھبۇبۇلقۇلۇپ»تا «مۇغەينىيلەر زىكرىدە» دېگەن بىر بابنى يازدى . سەنئەتنىڭ ئىككى مۇھىم ساھەسى — رەسساملىق بىلەن ئۇسسۇل ھەققىدە بۇ مۇتەپەككۇرلار ئالاھىدە توختالمىغان . «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئىككى جايدا ئۇسسۇل — رەقىس (خۇددى «تۇرپان تېكىستلىرى»دىكىدەك «بۇدۇك» ئىبارىسىدە) مىسال سۆزلۈكى قىلىنغان ، «قۇتادغۇبىلىك»تە مەي ئىچىش ئۈستىدىكى تەشەببۇس ئارىسىدا بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغان ، مەخسۇس توختالمىغان . ئەينى زامان مۇھىتىدا بۇ

428-بەت

سەنئەت ساھەسى يېزىلىپ يوقالغان بولماستىن، ئەسلىدە يېزىلمىغانىدى. «قابۇسنامە» دەمۇ سازەندىلا يېزىلغان، خالاس. «قۇتادغۇبىلىك» تى شاھىرلار توغرىلىق مەخسۇس بىر باب بېرىلگەن.

مۇئەللىپ شاھىرلارنى «سۆز تەرگۈچى» كىشىلەر، ماختاپ ياكى سوكۈپ تۇرمۇشنى باھالىغۇچىلار دەپ كۆرسىتىدۇ. داستاننىڭ 4393 - ، 4395 - بېيىتلىرىدا شاھىرلار توغرىلىق مۇنداق يېزىلغان:

قىلىچتا يىتتىرەك بولارنىڭ تىلى يانا قىلدا يېنچكە بۇ خاتىر يولى [ قىلىچتىن ئۆتكۈرەكتۇر بولارنىڭ تىلى، قىلدىنمۇ نازۇكراق تەپەككۇر يولى. ] تەڭىزكە كىرۈر كۆرسە كۆڭلۈن تۆكەل گۆھەر يىنچۇ ياقۇت چىقارۇر مەسەل [ كۆرىسەن، دېڭىزگە كىرەر كىشىدەك، گۆھەر، ئۈنچە، ياقۇت چىقارۇر، دېمەك. ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ داستانىدىكى ئېستېتىكىلىق مۇھاكىمىلەر گەرچە مەخسۇس ماۋزۇ ئاستىدا سىستېمىلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇئەللىپنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرى ھەر ھالدا خېلى دەرىجىدە كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ 3086 - بېيىتتىكى:

ئەي ھىممەت ئىگىسى ئازۇن قۇل تالۇ تالۇ قولداچى ئەر قۇتى توپ تولۇ [ ئەي ھىممەت ئىگىسى ئۈستە ئۆز جاھان، گۈزەللىك ئۈستىدەچى قۇتاتقاي ھامان. ]

دېگەن مىسرالىرى گۈزەل كەلگۈسىگە ۋە خەلق بەختىگە تەلپۈنگەن مۇتەپەككۇر قەلبىنىڭ جۇلاسىدۇر.

429-بەت

4 . «قۇتادغۇبىلىك»تە تىبابەتچىلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە

كلاسسىك نېمىس ماتېرىيالىستى فېيېرباخ ئۆزىنىڭ «بەخت ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدە: تىبابەتچىلىك ماتېرىيالىزمنىڭ يۇرتى ۋە يىلتىزى، دېگەن ئىدى.

«قۇتادغۇبىلىك» سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئېفتىخارلىق سەھىپىسى — ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك مەسىلىلىرى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇلغان.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئۇزاق تارىخنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، قەدىمكى يىپەك يولى مەركىزى تۈگۈنىگە شۆھرەت بېغىشلىغان مەدەنىيەت كىرىستاللىرىدىن بىرى ئىدى. شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى ئوتتۇرا — مەركىزى ئاسىيا رايونى تارىختا مەشھۇر سودا رايونى، ناخشا — ئۇسسۇل رايونى ۋە تىبابەتچىلىك رايونى ئىدى. سابىق سوۋېت مىدىتسىنا پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرتىپىدىن پروفېسسور ب. د. پېتروۋ مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان «مىدىتسىنا تارىخى» ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، مەركىزى ئاسىيا سكىف (سكىتاي) قەبىلىلىرى قارا دېڭىز ساھىلىغا كۆچكەندە، مەشھۇر گىرېك تىبابەت ئالىمى ھىپپوگرات (بەقرات) نىڭ دادىسى سكىفلار ئارىسىدا ياشىغان ۋە «تۆت تادۇ» (تۆت فۇزس) قارىشىنى قوبۇل قىلغان①. بۇ كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، پېرىكلى پادىشاھلىقى زامانىدا گىرېتسىيىدە سكىف تىبابەتچىلىرى ھۆرمەتكە ئىگە بولغان

① «مىدىتسىنا تارىخى»، 1957 — يىل خەنزۇچە نەشرى، 57 — بەت. بۇ يەنە ژۇكوف مۇھەررىرلىكىدىكى «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، II توم 2 — كىتاب، 96 —، 197 — بەتلەردىمۇ قەيت قىلىنغان.

430-بەت

ۋە سەككىز چەۋەندازلىرى گرېكلارغا ئاتلىق گۋاردىيە قۇرۇشقا ياردەم قىلغان. ئونىڭغىچە گرېكلاردا ئاتقا مىنىلمىگەن، ئات پەقەت جەڭ ھارۋىلىرىغىلا قوشۇلغان. قەدىمكى پەنجاپتىن شىنجاڭغىچە بولغان يوللار «ئىپەك يولى» دەپمۇ ئاتالغان. ئېلىمىزنىڭ «黄帝内经素问» (خۇاڭدى پادىشاھ نامىغا يېزىلغان ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى) دېگەن كىتابتا، غەربىي دىيار تىبابەتچىلىكى ۋە زەھەرلىك دورىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. مىلادىيدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى «ئولىيا دېھقان دورا گىياھلىرى» ناملىق كىتابتا غەربىي دىيار دورىلىرى ھەققىدە تەپسىلات يېزىلغان. سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يېزىلغان «غەربىي دىيار ھۆكۈمالىرىنىڭ رېتسېپلىرىدىن 23 جىلد»، «غەربىي دىيارلىق مەشھۇر تۆپۈكلارنىڭ تۆت جىلدلىق مۇھىم رېتسېپلىرى»، «تۆت ئەتراپتىن توپلانغان 2600 جىلدلىق رېتسېپلار»، سۈن سىماۋ يازغان «بىباھا دورا رېتسېپلىرى»، «تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر تۆپۈكلار تەزكىرىسى»، جېڭ چەن يازغان «غۇز دورا گىياھلىرى» قاتارلىق كىتابلاردا غەربىي دىيار تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۆتۈك ۋە سەۋىيىسى، نەزەرىيە ۋە رېتسېپلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە ئائىت تىبابەتچىلىك مەنبەلىرىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، ئۇ گ. ر. راخماتى 1932- يىلى ئېلان قىلغان تىببىي تېكىستلارنى، شۇ يىلى گ. ر. راخماتى ئېلان قىلغان 42 پارچە تۇرپان تېكىستلىرى ئىچىدىكى تىبابەتچىلىك تېكىستلىرىنى، 1952- يىلى ئا. گابائىن خانىم ئېلان قىلغان 15 پارچە تۇرپان تېكىستلىرى ئىچىدىكى تىبابەتچىلىك تېكىستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىبەتچە «تۆت توملۇق تىببىي قامۇس» بىلەن سىماگۇاڭ يازغان «资治通鉴» ۋە دۇ يۈننىڭ «قامۇسنامە»، تاۋ زۇڭيىننىڭ «جۇگېنلۇ» قاتارلىق

431-بەت

ئەسەرلىرىگە قارىغاندا، جان باشلىق ئاتلىق ئۇيغۇر ئالىمى تىبەتتە «تېرىك بەدەن ئۆلچەملىرى» ، «جەسەت رەسىم نۇسخىلىرى» ناملىق تىببەتچىلىك كىتابى يازغان، ئۇيغۇر تۈۋۈپى چىمەنقۇلۇق تاڭ گۆزۇڭ پادىشاھىنىڭ 633 - يىلى تۇتقان دەۋۋار (باش قېيىش) كېسىلىنى داۋالىغان، ئۇيغۇر تۈۋۈپلىرى مېڭىدىكى خالتىلىق قۇرتنى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ تاشلىغان.

ئۇيغۇر تىببەتچىلىكى ئىدۇقۇت دەۋرىدە ئاللىقاچان خەلق تىببەتچىلىكى كاتېگورىيىسىدىن رەسمىي تىب ئىلمى سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. تىببەتچىلىك بىلەن پەلسەپە، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىش، دورا ئىستېمال قىلىش بىلەن روھى جەھەتتىن داۋالاش، تاشقى كېسەللىكلەر بىلەن ئىچكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش - كۆتۈش نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە داۋالاش قائىدىسىگە ئىگە بىر ئىلمىي - ئەمەلىي سىستېمىغا مۇجەسسەملەنگەن. ئەينى زامان يازما مەنبەلىرى بۇ چاغدا دورا - دەرمەك سودىسىنىڭ ئاساسلىق سودىلار قاتارىدا تۇرغانلىقى، ئىچكى ئەزالارغا خام دورىلاردىن تاشقىرى «ئىدۇقۇت ھايات بەخش شەربىتى» (西州续命汤) قاتارلىق تەييار دورىلار چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر تىببەتچىلىكىنىڭ شۆھرەتلىك ۋەكىللىرى فارابىنىڭ تۆت زات قارىشى ۋە تىببەتچىلىك قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئىبىن سىنانىڭ غايەت كاتتا تىببەتچىلىك تەلىماتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى. ئىنگلىز تارىخچىسى يۈسۈپ نېدماننىڭ «جۇڭگو پەن - تېخنىكا تارىخى» ناملىق كىتابىدا يېزىلىشىچە، ئىبىن سىنا جۇڭگو تىببەتچىلىكى بىلەن تونۇشقان. ئىبىن سىنا تىببەتچىلىك تەلىماتى قايتىپ كېلىپ ئۇيغۇر تىببەتچىلىكىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

432-بەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان تۆت زات، تۆت سۈپەت، تۆت خىسلىت ۋە تۆت مزاج قاراشلىرىنى ئىخچاملىغان؛ قارىمۇ قارشى زات، سۈپەت، خىسلىت ۋە مزاجلارنى بىر — بىرىگە قارشى قويۇش ئارقىلىق بەدەندىكى ماددىي ھالەت تەڭپۇڭسىزلىقىنى يېڭىپ، ھاياتى نورماللىقنى ساقلاش ھەققىدىكى مزاج ئىچكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ كېسەل بايقاش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەلنى داۋالاشقا ئائىت بەزى مەسلىھەتلىرىنى تىلغا ئالغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۆت زات — تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت توغرىسىدىكى تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى ئاساسىدا، تۆت خىسلىت ۋە تۆت مزاج توغرىسىدىكى تىبابەتچىلىك نەزەرىيىسىگە ئۆتۈشتە تۆت زاتنىڭ تۆت خۇسۇسىيىتىنى تىلغا ئالدى. بۇ ماھىيەتتە ئادەم ئورگانىزمى بىلەن تاشقى مۇھىت — ماددىي دۇنيا مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى ئىدى. ئۇ داستاننىڭ 4622 —، 4623 —، 4624 —، 4625 —، 4626 —، 4627 —، 4628 —، 4629 — بېيىتلىرىدا «قۇرۇغ» (قۇرۇق)، «ھۆل» (ھۆل)، «ئىسسىگ» (ئىسسىق)، «توملۇغ» (سوغۇق)تىن ئىبارەت تۆت زات تۆت خۇسۇسىيىتىنىڭ تۆت مزاج شەكىلىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ قارىمۇ قارشى مزاجلارنىڭ بىر تەرىپى ئېشىپ كەتسە، ئۇنى ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە داۋالاش لازىملىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ داستاننىڭ 4628 —، 4629 — بېيىتلىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

تادۇك توملۇغ ئېرسە ئىسسىگ كۈچە ئىسسىگ ئېرسە توملۇغ يېيۈ تۆر ئىچە [سوغۇق بولسا تەبىئىتى ئىسسىقلىق كۈچەيت، ئىسسىق بولسا، ئاڭا سوغۇقلۇق ئىشلەت.]

433-بەت

قېلى سامدۇي ئەرسە تادۇق بەلگۈلۈك ئىسسىقلى سوغۇقلۇق ئارا بىر ئۈلۈك [مىزاجىڭ ئەگەر كى بولۇر مۆتەدىل، ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق ئارا چارە قىل.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۆت زات، تۆت خۇسۇسىيەتتىن ھاسىل بولغان ئورگانىزم سۇيۇقلۇقى تۆت خىلت (تۆت تەبىئىي)نى تۆت رەڭ بىلەن ئوخشىتىپ، داستاننىڭ 4632 -، 4633 - بېيىتلىرىدىن تەشكىل تاپقان رۇبائىيسىدا مۇنداق دەيدۇ:

تۆزۈك تەبىئىنى مەن ئايايىن يۇرا قىزىللى سارىغلى ئۇرۇغلى قارا بۇلاردىن بىرىسى بىرىگە ياغى ياغۇسا ياغىقا ياغى ئادرارا [مىجەزىڭنى ئېيتتەي ئوچۇق ساڭا، بىل، سېرىق، ئاق، قارادۇر ۋە ياكى قىزىل. بۇلاردىن بىرىسى بىرىگە يېغى، يېغىلارنى بۇ رەڭ بىلەن ئايرىغىل.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ يەردە «سەپرا»نى سېرىق، «سەۋدا»نى قارا، «بەالغەم»نى ئاق، «قان»نى قىزىل رەڭ بىلەن سىمۋوللاشتۇرغان.

ئالىمنىڭ قارىشىچە، كىشى كۆپ زامانلار ئۆتۈپ، ھەتتا يېشى 40 تىن ئېشىپ يەنە ئۆز مىجەز تەبىئىتىنى بىلىدىغان پاراسەتكە ئىگە بولالمىغان بولسا، ئۇنى ھايۋان، ھەتتا تۆكەل (مۇكەممەل) ھايۋان دېسە بولىدۇ، دەيدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆز بەدىنىدىكى خىلتلار تەڭپۇڭلۇقىنى بىلىمىگەندە ئۆمۈر يوللىرىنى ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تەشكىللىشى مۇمكىن بولمايتتى.

434-بەت

ئەينى زاماندا مۇتەپەككۇرنىڭ مەسىلىنى مۇنداق كەسكىن قويغانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلاردا دائىم تەڭشۈگۈچى دورا — دەرمەكلەردىن ئايرىلماسلىق ئادىتىنىڭ ئومۇملالاشقانلىقى، يىراق — يىراق شەھەرلەردىمۇ دورىپۇرۇشلارنىڭ بولىدىغانلىقى بىر مەزگىل تىببەتچىلىك مەدەنىيىتى ۋە مىجەز — تەبىئەتنى بايقاش ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈن بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. بىز «تۇرپان تېكىستلىرى» دىكى: «ئىسسىق توملۇغ» (ئىسسىق، سوغۇق) ، «ئىسسىق ئېڭ» (ئىسسىق كېسەل) ، «ئور توملۇغ تۈزلۈك قۇلاق ئارقىغا ياراشۇر» (ھۆل سوغۇقلۇق ئادەتتىكى قۇلاق ئاغرىقىغا ياقىدۇ) دېگەندەك مىجەز تەڭشەش جۈملىلىرىدىن بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ ئومۇملالاشقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى خىلەت ۋە مىجەز ھالەتنىڭ ھەربىر ئادەمگە، ئۇنىڭ ھايات باسقۇچلىرىغا، پەسىلگە ۋە كونكرېت تۇرمۇش ئادىتىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىزاهلىغان. ئۇ بۇنى چۈشنى يېشىشنىڭ، چۈشنى بولسا مىجەز ھالەتنى ئېنىقلاشنىڭ ۋاستىلىرىدىن بىرى، دەپ قارىغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوزۇقلىنىش گىگىيېنىسى ۋە روھىيەت گىگىيېنىسى مەسىلىلىرىنى كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان. ئۇ داستاننىڭ 4605 — بېيىتىدا:

قامۇغ نەڭگە ئوڭدى تۆرۈ بار سۆزى تۆرۈ تۈز يورىتسا يارۇر ئەر يۈزى [ھەر نەرسىنىڭ قانۇنى — تەرتىپى بار، يوسۇنلۇق بولسا ئەر، يورۇر يۈزى.]

دەپ يازسا، 4613 - ، 4614 - ، 4615 - ، 4641 - بېيىتلىرىدا «كېسەل گالدىن كىرىدۇ» ، «تاماقنى تولا يېسە كېسەل قىلىدۇ»

435-بەت

دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ ئۆزۈن ياشاشنىڭ ئىككى چارىسىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى 4642 - بېيىتتا مۇنداق دېيىلگەن:

ئەسەنلىك تىلىسە كۆز ئىگىسىزلىكىن ئاز ياتلىغ ئوتۇغ يە تىرىل ئاي تېگىن [ تىلىسەڭ كېسەلسىز ئۆمۈر ئەي تېگىن، ئېيتى «ئاز يە!» دېگەن دورىنى يېگىن. ]

ئۇنىڭ يەنە بىرى نېرىۋنى، روھىيەتنى بوزىدىغان، دەرغەزەپ ۋە قايغۇ — ھەسرەت پەيدا قىلىدىغان يامان سۆز — ھەرىكەتتىن ساقلىنىش بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ دورا ھەققىدە داستانىنىڭ 4643 - بېيىتىدا مۇنداق يازغان:

ئۆز تىنچلىك تىلىسە ئەرەزى ئۆزۈن تىل ياتلىغ ئەتتىگ يە تىرىل ئاي تۈزۈن [ تىلىسەڭ ھوزۇردا ئۆزۈن ياشىماق، يېگىن «تىل گۆشىنى!» ئايا قەلبى ساق. ]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كېسەللىكنى جىن — شەيتان تۆپەيلى ياكى تەقدىر — قىسمەت تۆپەيلى يۈز بەرگەن دەيدىغان پىرخۇن ياكى روھانىيلاردىن پەرقلىق ھالدا، ئۇنى تادۇ — خىلەت تەڭپۇڭلۇقى بوزۇلغانلىقى ئاساسىدا ئىزاھلىدى. ئۇ تىبابەتچىلەر («ئوتاچىلار») ھەققىدە توختىلىپ، تىبابەتچىلىكنى «بىلىملەرنىڭ ئالدى»، ئۇنىڭسىز «تىرىكلىك ئىشى يۈرۈشمەيدۇ»، ئۇلار ئالدىدا بورچۇڭنى ئادا قىل، دەيدۇ. ئۇ يەنە، قان بېسىمى (1053 - بېيىت)، قان بوزۇلۇش (1055 - بېيىت)،

436-بەت

ئاشقازان كېسەللىكى (1058 - بېيىت) ، قەۋزىيەت (1059 - بېيىت) ، زەھەرلىنىش (1060 - بېيىت) قاتارلىق كېسەللەر ، مەجۇن ، جۇۋارىش ، كىن (كېپەك ئۈپىرى) ، سۈرگە ، تەرىياك ، شەلسە ، چۈرنى ، مىترېدۇس قاتارلىق دورىلار ، ھەر خىل شىپالىق گىياھ ۋە شەربەتلەر ئۈستىدە توختالغان .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە دورا بىلەن داۋالاش (ئەمەلەش) نى پىرخۇن ، داخانلارنىڭ ھەر خىل ئىرىم - سىرىملىرىدىن پەرقلىندۈرگەن ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەتنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەپسۇنچىلىق ئۇسۇللىرى - تومار پۈتۈش ، جىن ھەيدەش قاتارلىقلارغا روھىي كېسەللىكنى داۋالاش تەدبىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان .

«قۇتادغۇبىلىك» تە تىبابەتچىلىك مەسىلىلىرى مۇئەللىپنىڭ بىلىمى ۋە دۇنيا قارىشىنى يورۇتقۇچى مۇھىم دېتال بولۇپ ، مەخسۇس تىبابەتچىلىك تەپسىلاتى ئەمەسلىكى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم ، ئەلۋەتتە .

5 . «قۇتادغۇبىلىك»تە ماتېماتىكا پەنلىرى ھەققىدە

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 2221 - ، 2633 - ، 2782 - ، 2783 - ، 2784 - ، 4278 - ، 4379 - ، 4380 - ، 4384 - ، 4382 - بېيىتلىرىدا ماتېماتىكا - رىيازىيەت ( «ساقىش» ① ) ۋە ئۇنىڭغا ئائىت


① سىڭگۈ سىلى ئىشلىگەن «ئالتۇن يارۇق» دا : «يەر ئۈستىكى بارچە ئوشاق قوق بولسار ئول قوقلارنى ساقىشىن سانالغى بولتۇقماز» (يەرنىڭ ھەممە تەرىپى ئۇشتۇلۇپ پارچە - پارچە بولۇپ كەتسە ، ئۇ پارچىلارنىڭ ھېسابىنى ساناپ بولماس) دېگەن سۆزدىن قارىغاندا ، ھېساب مەقسۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىمۇ ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ «ساقىش» دەپ ئاتالغان .

437-بەت

قوشۇش - ئېلىش ( «جەمئىي - تەفرىق» ) ، كۆپەيتىش - بۆلۈش ( «زەربۇ - قىسمەت» ) ، كەسەر ( «كۆسۇر» ) ، كۋادرات - كېمەيتىش ( «تەزئىف - تەنسىف» ) ، يىلتىز چىقىرىش ( «ئەدەد جەزرى» ) ، ئالگېبرا ( «جەبرۇ مۇقابىل» ) ، گېئومېتىرىيە ( «ھەندەسە» ) ، ئۆلچەم ( «مىساھەت» ) قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇمىي نۇقتىدىن تىلغا ئېلىنغان.

شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، «قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسىگە كىرگۈزۈلگەن تۆت ماتېماتىكا پەنلىرى - ئارىفمېتىكا ( «ھېساب» ) ، گېئومېتىرىيە ( «ھەندەسە» ) ، ئالگېبرا ۋە ئاسترو - ماتېماتىكىلىق ئۇچۇرلار بىزگە قاراخانىيلارنىڭ شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى مۇھىتىدا نەزەرىيىۋى پەنلەر ۋە ئۇنىڭ مىقدار ۋە شەكىل ھېسابات لوگىكىسى بولغان ماتېماتىكا پەنلىرىدە ئاددىي ھېسابتىن تاكى ئىلمىي نۇجۇمغىچە كەڭ ساھە بويىلاپ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ راۋاجلىنىشى، تۈرلۈك شەكىل - فىگورلاردىكى ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تەقەززاسى، خەلقئارا يىپەك يولى سودىسى، پۇل مۇئامىلىسى، ئۆسۈم ۋە سۈتخورلۇق ئېھتىياجى، تېبابەت - دورىگەرلىك، خىمىيە، ئىلمىي نۇجۇم، كالېندارچىلىق قاتارلىقلار ھەممىدىن ئىلگىرى ماتېماتىكا پەنلىرىنىڭ راۋاجىنى تەقەززا قىلدى. ماتېماتىكا بىلەن لوگىكا، فىزىكا ۋە پەلسەپە پەنلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئىلمىي بىلىش جەريانلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىشىنى تەمىنلەيدىغان «ئالدىنقى قوشۇن» سۈپىتىدە ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى. تارىخ ھەممە يەردە ئىنسانلارنىڭ بۇ پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى ئىللاھىيەتچىلىك پاسسىپلىقىدىن تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش پائالىيەتچىلىككە ئۆتكەنلىكىنىڭ تېرمومېتىرى دەپ قاراپ كەلمەكتە.

ئابباسىيە خەلىپىلىكلىرى دەۋرىدە مۇھەممەد مۇسا خارەزمى

438-بەت

«ھىندى رەقەملىرى ھەققىدە خارەزمى كىتابى» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ھىندى رەقەملىرىگە نۆل رەقەمنى قوشۇپ ئەرەب دۇنياسىغا تونۇشتۇردى. ئۇ ئىككىنچى تەڭلىمىنى گېئومېتىرىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىش يوللىرىنى كۆرسەتتى. ئەبۇل كامىل ئىككىنچى تەڭلىمىدىن ئىككى يىلتىز چىقىرىشنى ھەل قىلدى. ئەبۇل ۋافا (940 — 998) يوقىرىراق تەڭلىمىلەرنى گېئومېتىرىك ھەل قىلىش يوللىرىنى تاپتى، ئۇ 3x⁴=a ۋە x⁴+ax³=b تىپىدىكى تۆتىنچى تەڭلىمىنى يەشتى. ئۆمەر ھەييام ئۈچىنچى تەڭلىمىنى 13 تۈرگە ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ خېلى بىر قىسمىنى گېئومېتىرىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى سىناقتىن ئۆتكۈزدى. IX ئەسىردىلا ئەل باتانى قۇياش ھەرىكىتىنى ئۆلچىدى ۋە ئاسترونومىيىدە شار يۈزلۈك ترىگونومېتىرىيىلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا يول ئاچتى. پىلانېتلار ئوربىتىسىنىڭ ئېللىپس شەكىللىك ئىكەنلىكى XI ئەسىردىلا مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەر كېيىنكى زامان ماتېماتىكىسىدا ئىنقىلابى خاراكتېرلىك زور ئىلگىرىلەش پەيدا قىلغانىدى.

بۇ مەزگىلدە ئارىفمېتىكا ئومۇملىشىپ، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىدىن تارتىپ ئاددىي خادىمغىچە بىلىشى، ئىشلىتىشى لازىم بولغان شەرتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدى. داستاننىڭ 2218 — ، 2219 — ، 2220 — ، 2221 — ، 2270 — ، 2773 — ، 2776 — ، 2777 — ، 2780 — ، 2781 — ، 2782 — ، 4379 — ، 4380 — ، 4381 — بېيىتلىرىدا ئارىفمېتىكا ئىلمىنىڭ ئومۇمىي زۆرۈرىيىتى، ئۇنى بىلمەي بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 4379 — ، 4380 — ، 4381 — بېيىتلىرىدا ئايان بولۇشىچە، بۇ دەۋردىكى ھېساب ئىلمى نوقۇل «تۆت ئەمەل» بىلەن چەكلىنمىگەن، بەلكى رىئال سانلىق

439-بەت

قىممەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مىقدار لوگىكىسىنىڭ پىرسەنت چىقىرىش، كەسىر ھېسابلاش، نىسبەت - تاناسىپ، يىلتىز چىقىرىش ساھەلىرىگىچە كېڭەيگەن. داستاننىڭ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

ئۇقى زەرب ئو قىسمەت تۈكەل بىل كۈسۇر تۆكەلكە تۈكەل ئىمتىھان ئول يەتۈر [تولۇق بىل كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە كەسىر، كامالغا يېتىشتە ئىمتىھاندۇر بىر.] يا تەزئىف يا تەنسىف ئۆزۈڭ يەترۇ بىل قالى بىلدىڭ ئەرسە ئەدەد جەزرى قىل [بۇ تەزئىف يا تەنسىفنى سەن ياخشى بىل، ئەگەر بىلسەڭ ئاندىن ساناق جەزىر قىل.] يانا جەمئۇ تەفرىق مساھەتقا ئۆت يەتتى قات فەلەكنى ياتۇر يانچا تۇت [يەنە جەمئىي تەفرىق، مۇساھەتىكە ئۆت، يەتتە قات پەلەكنى بىر تال چۆپچە تۇت.]

بۇ مىسرالاردىن بىز «تۆت ئەمەل»دىن باشقا، كەسىر، كۇادرات (تەزئىف)، كىمەيتىش (تەنسىف)، يىلتىز چىقىرىش (جەزىر)، دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرال (جەمئىي تەفرىق)، مەيدان ھېسابلاش (مۇساھەت) ھەققىدىكى تەلىپىنىڭ بىردەك ئۈستۈنلۈكىنى، بۇنىڭ ئۆلچەملىرى (ئىمتىھانى) دۇنياۋى بىردەكلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.

★

گېئومېترىيە شەكىل - ھالەتنىڭ ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ھەل قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئەينى زامان ماتېماتىكا پەنلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ

440-بەت

خۇددى فارابىدەك بۇ پەننى ئالاهىدە ئورۇنغا كۆتۈرگەن. داستاننىڭ 2783 -، 2784 -، 4378 - بېيىتلىرى بىلەن 2786 -، 2787 - بېيىتلىرىدىن تۈزۈلگەن رۇبائىيسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:

ئەلىك ساقىشىندا كېچەر ئەرەسە سەن كېرەك ھەندەسە ساقىشى تۇتسا سەن [ھېسابتا تۆت ئەمەل ئۇققاچ، كېيىن سەن، شۇغۇللانغىن يەنە ئۇ ھەندەسە بىلەن.] كۆرۈ بارسا يىنچىكە ساقىش ھەندەسە مۇنى بىرلە يەر كۆك بولۇر ئول ساسا [بۇ ئىلمىي ھەندەسە ئىنچىكە ئىشتۇر، يەر - ئاسمان ھېسابى شۇ بىلەن بولۇر.] بىلىيىن تەسى سەن ئۇقى ھەندەسە ئاچىلغاي ساقىش قاپقى مۇندا باسا [ئۇقۇ ھەندەسەنى دېسەڭ بىلىيىن، ئېچىلغاي ھېساب ئىشكى شۇندىن كېيىن.] ئەدى مە پاتىخ ھەندەسە ساقىشى ئەنىڭ تەزگىنۈر كۆر ھېكىملەر بېشى ئەون تەگ يارىر بۇ يەتى قات كۆكۈگ قادىرەتتى سەچىم تەگ يەر ئەرەسە قاشى [بۇ ئىلمىي ھەندەسە ئېروۇر بەك چوڭقۇر، ئۇنىڭدا ھېكىملەر بېشىمۇ قايۇر. يارار ئۇ يەتتە قات كۆكنى دانىدەك، چوڭقۇر - دۆڭنى ئوخشاش قىلىپ ئاجرىتۇر.]

★

ئالگېبىر[10] — ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوغۇز ئالىمى مۇھەممەد

441-بەت

مۇسا خارەزمىمنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار كەشىپىياتى ئەينى زاماندا ئەرەبچە «جەبرۇ مۇقابەل» دەپ ئاتالغان ۋە كېيىنكى زامانلاردا ياۋروپالىقلار خۇددى «ئالخىمىيە»نى «خىمىيە» دەپ تەلەپپۇز قىلغاندەك، ئەكسى ھالدا «جەبرۇ مۇقابەل»نى «ئال گەبرى»، «ئالگېبرا» دەپ تەلەپپۇز قىلىشتى. ئالگېبرا يۈسۈپ خاس ھاجىپ زامانىدا ئارىفمېتىكا ۋە گېئومېترىيىدىن بۆلۈنۈپ، ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئايرىم پەن تارمىقى بولۇشقا قاراپ كۆرۈنەرلىك يۈزلەنگەنىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ يېڭى پەن تارمىقىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى ماتېماتىكىلىق كامالەت سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلدى. ئۇ داستاننىڭ 4382 - بېيتىدا مۇنداق دەيدۇ:

تاقى قولسا جەبرۇ مۇقابەل ئوقى يەمە ئېۋكلىدېس قاپچى يەترۇ توقى [تىلەسهڭ يەنە سەن ئالگېبرانى ئۇق، يەنە ئېۋكلىدنىڭ ئىشىكىنى سوق.]

★

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 2632 -، 4888 -، 4889 -، 6219 -، 6220 -، 6221 - بېيىتلىرىدا پەلەكىيات («ئىلمى نۇجۇم») مەسىلىلىرى سۆزلەنگەن. بۇ ھەقتە كىتابىمىز تېگىشلىك تەپسىلات بېرىپ ئۆتكەن.

شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زامان ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا بىر يۈرۈش يۇلتۇز ۋە بۇرژ، پەسىل ۋە كېچە - كۈندۈز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قالماستىن، ئاسمان جىسىملىرىنىمۇ

442-بەت

ماتېماتىكىلىق، بولۇپمۇ گېئومېتىرىيىلىك ھېسابلاش ئارقىلىق تونۇش - بىلىش ھەققىدە ئىلغار تەشەببۇستا بولغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئاسترولوگىيە ساختىپە ئىلمىي تەرەپلەرنىڭ يۇلتۇزغا قاراپ پال ئاچىدىغان خۇراپىي كۆز قاراشلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ 1733-، 1735-بېيىتلىرىدا بۇ ئىلملار خاسىيىتى تۈپەيلى تەننى بويسۇندۇرۇش تۇتقۇلىرىنى مۇنداق قىزغىن تەرىپلىگەن:

قايۇ يۈگرۈ تىنماز ئازۇن تەزگىنۈر قايۇ جان يولۇغلار تەڭىزكە كىرۈر [بىراۋلار يۈگۈرۈپ جاھان ئايلىنۇر، بىرى جان پىدالاپ، دېڭىزگە كىرۈر.] قايۇ ئارت ئاشار كۆرى ئۆگۈزلەر كېچەر قايۇ يەر قازار سوۋۇققۇ قۇغدا ئىچەر [بىراۋلار تاغ ئېشىپ، دەريالار كېچەر، بىراۋ يەر قېزىپ، سۇ قۇدۇقتىن ئىچەر.]

6. «قۇتادغۇبىلىك»تە تەلىم - تەربىيە ھەققىدە

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا تەلىم - تەربىيە مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە تېمىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك سەھىپە تۇتقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە ھەربىر شەخسنىڭ مەنىۋى كامالىتى ئۈچۈن، ھەربىر ئائىلىنىڭ كامالىتى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كامالىتى ئۈچۈن ئاساسلىق ئالدىنقى شەرت ھېسابلىناتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەلىم - تەربىيەنى ئەقىل - پاراسەت ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەمما تۇغما بىلىمسىز بولغان ئىنسان ئەۋلادىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش

443-بەت

ۋاستىسى سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇ بىلىم تۇغما ئىرسىي مەلەكه ئەمەس، تەلىم — تەربىيە مەھسۇلى، ئىجتىمائىي مۇھىت مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭچە، كامىل ۋە ساغلام ئەقىل (ئۆگ) بىلەن كامىل ۋە مەنپەئەتلىك بىلىم (بىلىك) نىڭ مۇجەسسەم بولۇشىدىن «بىلىگە»، «بىلىگە بىلىك»، «ئۆگ بىلىك»، «ئۆگە» بولۇش مۇمكىن ئىدى. بۇ ھازىرقى «تالانت» ئىبارىسىگە تولىمۇ ياندىشىپ كېتىدۇ. بۇنى ئالىمنىڭ تالانت قارىشى دەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەلىم — تەربىيەنى تۇغۇلماقتىن تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىغان ئۇلۇغ بىلىش پائالىيىتى دەپ قاراپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت بىر — بىرىگە ئورگانىك باغلانغان ئۈچ بىلىم ئوچىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتىدۇ. ئۇنىڭچە، ھەممە كىشى — تەلىم ئېلىشقا تولغان پەرزەنتتىن تاكى ئاتا — ئانا، ئۇستاز، ھەتتا دۆلەت باشلىقىغىچە ياكى ئۆگىتىش، ياكى ئۆگىنىش تورىدا پائالىيەتتە بولۇشى لازىم ئىدى. ئۇ داستانىنىڭ 3217 —، 3218 — بېيىتلىرىدا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

كىشى ئىككى تۈرلۈك كىشى ئاتانۇر بىرى ئۆگرەتگۈچى بىرى ئۆگرەنۇر [بۇ ئىككى خىل ئىنسان كىشى ئاتىلۇر: بىرى ئۆگەتكۈچى، بىرى ئۆگەنگۈر.] ئىككىدە نارۇ بارچا يىلقى سانى تىلەسە مۇنى تۇت تىلەسە ئانى [ئىككىسىدىن بۆلىكىنى سەن يىلقى سانا، يا بۇ بول، يا بۇ بول، تاللاپ ئال مانا.]

بۇ نېمىدېگەن ئۆتكۈر خىتاب، ھە! بىز داستاندىكى تۆت مەجازى قەھرىماننىڭ تەلىم — تەربىيە تورىدا تۇرغانلىقىنى،

444-بەت

تەلىم - تەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار تەلىم - تەربىيە، ئىلىم ۋە تاكامۇللىشىشنىڭ چېكىسىزلىكىنىڭ غايىۋى سىمالىرى بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلە تەربىيىسىنى تەلىم - تەربىيىنىڭ بىرىنچى ۋە مۇھىم دائىرىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. بۇ داستاننىڭ 4505 - بېيىتىدا ئۇنىڭدىن باشلاپ تەربىيە بېرىش باشلىنىدىغانلىقىغا بىشارەت بېرىدۇ. داستاننىڭ 1218 - ، 1220 - ، 1225 - ، 1493 - ، 1495 - ، 1822 - ، 1823 - ، 4504 - ، 4505 - ، 4506 - بېيىتلىرىدا پەرزەنتنى كىچىكىدىن تەربىيىلىنىشى لازىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئاتا - ئانا يامان بولىدىكەن، پەرزەنتكە يامان تەسىرى يوقىمايدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

تاقى بىر سەۋەب بولسا ئوغلان بىلىك كىچىكدە تەگۈرگۈ بىلىككە ئەلىك [يەنە بىر شەرھى: ئىلىم تىلىسە ئوغۇل، كىچىك چاغدا قويغاي بىلىمگە كۆڭۈل.] (1822 - بېيىت) كىچىك ئەركەن ئۆگرەت ئوغۇلغا بىلىك كىچىكدە بىلىك بىلىسە كۆترۈر ئەلىك [ئوغۇلنى كىچىكتە ئوقۇتماق زۆرۈر، كىچىكلىكتە بىلىسە ئۇتۇقلۇق بولۇر.] (1493 - بېيىت) ئوغۇل قىز تۆرۈسە سەنىڭ ئاي تەكىن ئەۋەكدە ئېتىكگىل ئېگىدمە ئۆكىن [تۇغۇلسا ساڭا ئەي قىز - ئوغۇل، ئۆيۈڭدە ئاڭا سەن تەربىيىچى بول.] (4504 - بېيىت)

داستاننىڭ 1219 - ، 1220 - ، 1221 - ، 1223 - ، 1224 - ، 1226 - ، 1227 - ، 1494 - ، 4509 - بېيىتلىرىدا پەرزەنت

445-بەت

تەربىيىسىدە قاتتىق تەلەپ، مۇستەھكەم ئىنتىزام تەلەپ قىلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوشاڭلىق ئەركە - نايناق قىلىپ قويىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ 1227 - بېيىتتا مۇنداق دەيدۇ:

ئوغۇلۇڭ قىسا تۇت ئاتا بولغۇچى ساڭا كۈلمە سۇن كېيىن كەلگۈچى [ئوغۇلنى قىسىپ تۇت ئاتا بولغۇچى، ساڭا كۈلمىسۇنلار كېيىن كەلگۈچى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەلگۈسى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشتە تەلىم - تەربىيىنىڭ رولىنىڭ چوڭلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك - ھۈنەر تەربىيىسىگە دائىر پائال مەسىلىلەرگە يانداشقان. ئۇ بۇنى ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەتنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى دەپ قارىغان. ئۇ داستاننىڭ 1228 ، 1824 ، 1826 ، 4506 ، 4507 ، 4508 - بېيىتلىرىدا بىلىم، ئەخلاق - پەزىلەت، خاراكتېر تەربىيىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيىلەشنى تەشەببۇس قىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشلىقتىن ئىبارەت ئۆمۈرنىڭ قىسقا ھەم گۈزەل مەزگىلىنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك، ياشلىق باھارنى ئىجتىمائىي بەخت — پاراۋانلىق گۈلشەنگە ھۆسن قوشۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىش لازىملىقىنى ئۆز داستانىنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسمىدا قايتا — قايتا تىلغا ئالىدۇ. بۇ مۆتەپەككۈرىمىزنىڭ ياش ئەۋلادلارغا قالدۇرغان سەمىمىي ۋەسىيەتنامىسى ئىدى.

مۇئەللىپ داستاننىڭ ئاخىرىدىكى «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتىقانلىرى» ناملىق بىر بابىدا: ھاياتنىڭ ئەڭ

446-بەت

شېرىن مەۋسۇمى، ئۆمۈرنىڭ سۇيۈنچى بولغان گۈزەل ياشلىقنى ۋاقىت شاماللىرى ئىچىدە ئۆتكۈنچى بۇلۇتلاردەك قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى؛ ئەرغۇۋاندەك قىزىل يۈزنىڭ زەپىران بولغانلىقىنى؛ ئىپاردەك قارا چاچنى كافۇردەك ئاقارغانلىقىنى؛ چېچەكلىك باھار — ياز ھۆسنىنىڭ خازان بولغانلىقىنى؛ قېيىن ياغىچىدەك قەددى — قامەتنىڭ يادەك ئېگىلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، داستاننىڭ «كىتاب ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھىتى» ناملىق بابىدا، بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ، بىلىم جاۋاھىرلىرىنى ئېلىش، بىلىم يولىدىكى مۈشكۈللۈكلەرگە بوي بەرمەسلىك توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.

بۇ داستاننىڭ 1101 - ، 1102 - بېيىتلىرىدا ياشلىق چېغىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۆمۈر جەريانىدا ئۆگىنىش، قېرىغانچە بىلىم بۈيۈكلۈكىگە ئېرىشىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

قايۇ باشقا كىرسە قۇغۇ قىرتىشى قۇغۇ تەگ ئۆرۈك قىلغۇ كۆڭلىن كىشى [ ئاقارسا ئاققۇدەك كىشىنىڭ بېشى، دىلىن ئاققۇ كەبى ئاقارتسۇن كىشى. ] كىمنىڭ ئېگرى بولسا كۈنى تال بودى كۈنى قىلغۇ كۆڭلىن يەتۈلدى ئۈدى [ ئېگىلسە كىشىنىڭ تۈز تالدەك بويى، تۈزەتسۇن دىلىنى، يېتىلدى چېغى. ]

7. قىسقىچە يەكۈن

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ رېئال دۇنيادىكى ئىجتىمائىي بەخت — سائادىتى توغرىسىدىكى ھەربىر مۇھىم تەشەببۇسلىرىدا ئۇلۇغۋار بىلىم — پەن ھامىيسى ۋە مائارىپچى

447-بەت

قىياپىتى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى يالقۇنلۇق خىتابلىرى ئەينى زامان ئىدىئولوگىيە جەڭگاھىدىكى بۇ راتسىئونالىزملىق ئەزىمەتنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، تېپىلغۇسىز ئىلمىي ۋە تارىخىي قىممەت ياراتتى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ بىر قاتار مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ دىنىي ئىدېئالىستىك ۋە فېئودال يۇقىرى تەبىقلىق بىلىش، شۇنىڭدەك سىنىپىي ۋە تارىخىي چەكلىمىلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ داستاننىڭ 873-، 878-، 879-، 881-، 883- بېيىتلىرىدا گەرچە كونتۇغدى ئېلىگ تىلىدىن سۆزلىسىمۇ يەنىلا تۇغما ياخشى - يامانلىقنى، خۇي - پەيىلنىڭ «سۈت بىلەن كىرىپ، جان بىلەن چىقىدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي پىكىر تۈزۈلمىسىگە خىلاپلىق قىلدى.

ئۇنىڭ ئاياللار توغرىسىدىكى قاراشلىرى فېئوداللىق جاھالەتنىڭ پاجىئەلىك، قاراڭغۇ تەرەپلىرىدىن كېسىن پەرقلىنىپ كەتمىدى، بۇ ھال ئۇنىڭ گۇمانىزملىق قاراشلىرىغا داغ كەلتۈردى.

ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئومۇمىيۈزلۈك مائارىپى غايىلىرىنى ئىپادىلەپ تۇرسىمۇ، ئۇ پەرزەنتلەرنى ئۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تەكىتلەپ، رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ تەلىم - تەربىيىدىكى رولىنى گەۋدىلەندۈرمىدى. ئۇنىڭ 5484-، 5490- بېيىتلىرىدا ئەقىل - بىلىم سىمۋولى بولغان ئۆگدۈلمىش تىلىدىن بېرىلگەن مۇسۇلمان بولمىغان قېرىنداشلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ، بۇتلىرى ئورنىغا مەسچىت سېلىش، ئىسلام ئېچىش توغرىسىدىكى مىسرالىرى مۇئەللىپ ئىدىيىسىدىكى قاراڭغۇ تەرەپنى ئىپادىلىدى. مۇشۇ خىل قاراش «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تىمۇ ئىپادىلەنگەن.

ئۇ داستاننىڭ 2223-، 2224-، 2225-، 2226-،

448-بەت

2692 — ، 2693 — ، 2694 — ، 2695 — ، 2696 — ، 2697 — ، 2698 — ، 2699 — ، 2700 — ، 2701 — ،

2702 — بېيىتلىرىدا يېزىق ( «بەتەك» ، «خەت» ) نىڭ بىلىم ئېلىش، خاتىرىدە ساقلاش، خەۋەرلىشىش، كىتاب يېزىش، ھېسابلاش قاتارلىق پۈتكۈل مەدەنىيەت پائالىيىتىدىكى مۇھىملىقىنى، خوش خەت ئالاقىنىڭ ئېستېتىك ھوزۇرنى قىزغىن تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ 2227 — بېيىتتا يېزىقنى تەڭرى ئالەمنى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقان دەيدىغان ئاتالمىش «لەۋھۇ — قەلەم» قارىشىنى تىلغا ئالدى.

دەۋر تەرەققىياتى مۇئەييەن قاراشلاردىكى سەلبىي نەرسىلەرنىڭ ساقلىنىش ئاساسلىرىنى ئۆز دولقۇنلىرى بىلەن يۇيۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئىجابىي تۆھپىلىرى قايتىدىن جىلۋىلىنىشكە باشلىدى.

ئىزاھلار:

[1] توماس ئاكۇئىنا (1225 — 1274) ئوتتۇرا ئەسىر خرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىكىنىڭ ئەڭ زور ۋەكىلى. ئاكۇئىنا پۈتۈن تەبىئەت ئىلمى ۋە پەلسەپىنى، لوگىكىنى بىر دەك خرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىكىگە خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغانىدى.

[2] مېڭ زى (مىلادىيىدىن ئىلگىرى 372 — 289) ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى رايىشچى مۇتەپەككۇر. مېڭ زى ئىنسان ھايۋاندىن پەرقلىق ھالدا تۇغۇلۇشتىنلا ئىزگۈ خۇسۇسىيەتلىك بولىدۇ، سۇنىڭ پەسكە ئېقىشى قانداق مۇتلەق بولسا، ئىنساننىڭ ئىزگۈلۈكىمۇ شۇنداق مۇتلەق، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

[3] شۈن زى (مىلادىيىدىن ئىلگىرى 298 — 238) ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى

449-بەت

قانۇنچىلىق ئېقىمىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. ئۇ ئىنسان فىزىئولوگىيىلىك خاھىش تۈپەيلى مەنپەئەت قوغلىشىدۇ، ئاچ بولغاندا تاماق، توڭلىغاندا ئىسسىققا مايىل بولىدۇ. شۇڭا ئىنسان تۇغما ئەسەز (قەبىھ) تەبىئەتلىك، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

[4] خەن فېي (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 280 — 233) شۈن زىنىڭ شاگىرتى. ئۇ ئىنسان تۇغما ئەسەز تەبىئەتلىك بولغاچقا ئۇنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش لازىم، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

[5] يېڭى پلاتونىزم — پلوتىن (205 — 270) باشچىلىقىدىكى ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستىك تەلىمات. ئۇ پلاتون تەلىماتىنى خرىستىئانچىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. بۇ تەلىمات ئىسلام ئىلاھىيەتچىلىكىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

[6] ئودغۇرمىشنىڭ كاتېگورىيىلىك قىممىتىنى بەزىلەر «قانائەت»، بەزىلەر «ئاقۇۋەت» دەپ مۇنازىرىلەشتى. مېنىڭچە، ئۆمۈرنىڭ چەكلىكلىكى، ئۆلۈم ۋە ياخشى — يامان نام بۇ ئۆزى «ئاقۇۋەت» كە ۋەدىلەنگەن ئەخلاقىي تەلىم ئاساسىدىن ئىبارەت. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە «قانائەت» («ئىنساپ»، «ئۆزىنى تىزگىنلەش») بىلەن ئۆمۈرنى مەنىلىك ۋە خەلققە مەنپەئەتلىك ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلىيلىشىدۇ. شۇ سەۋەبلىك بۇ ئىككى ئۆلچەم بىر — بىرىنى رەت قىلمايدۇ، بەلكى جەملەشتۈرىدۇ.

[7] مەدرىس پەلەسپىسى ئوتتۇرا ئەسىر پەلەسەپىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، ئابستراكت ۋە قۇرۇقتىن — قۇرۇق مۇھاكىمىلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر مەزھەپ.

[8] فرانسىس بېكون — ئەنگلىيە ماتېرىيالىزمىنىڭ ئاتىسى دەپ شۆھرەتلەنگەن. ئۇ ئىلمنى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلاپ ھەقىقىي قىممىتىنى بىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. «بىلىم — كۈچتۇر» دېگەن مەشھۇر ئىبارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

[9] ئەنگلىيە يېقىنقى زامان ماتېرىيالىزمى ۋە رەسمىي

450-بەت

تەجرىبىگە ئاساسلانغان تەبىئەت ئىلىمىنىڭ ئۆتۈنى ئىدى. فرانسىس بېكون، بولۇپمۇ توماس گوببىس (1588 — 1679) ھەممىنى، ھەتتا ئېستېتىك مەسىلىلەرنىمۇ تەجرىبە نۇقتىسىدىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

[10] ئالگېبرا — مۇسا خارەزمىنىڭ 830 — يىلى خەلىپە مەئمۇنغا سۇنغان «ئەلجەبىر ۋە مۇقابىلا» (تەڭلىمە ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش كىتابى) ناملىق ئەسىرى. بۇ كىتابنى 1145 — يىلى دوبرت چېتېررا ئىنگلىزچىغا، 1160 — يىلى گېرادكېرمونسكىي لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىتاب نامى «ئالگېبرا»، «ئالگېبىرا» دەپ ئاتىلىشقا، خارەزمىنىڭ نامى «ئالگورىزىم» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.

451-بەت

IX باب «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ۋە تەسىرى

«كۆكسۈڭدە خەزىنە ياسىساڭ ئەگەر، دانالار لېۋىدىن يىغارسان گۆھەر.» — ئابدۇراخمان جامى

1. «شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى»دىكى يېڭى سىمفونىيە

بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يېزىق بەلگە قىلىنغان مەدەنىيەت دەۋرىدىن تاكى غەربىي ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىغىچە ئۆتكەن ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ بەش ئاساسىي تىپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ بەش ئاساسىي تىپ ئۆزگىچە بولغان مەھەللىۋى ۋە خەلقئارا مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى زامان ۋە ماكان خۇسۇسىيەتلىرىگە لايىق شەكىلدە مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆز مىللەت، دۆلىتىن ئىبارەت مەھەللىۋى مەدەنىيەت خاراكتېرىدىن ھالقىپ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكى بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇلار:

— گىرىك — رىم كلاسسىك مەدەنىيەت تىپى؛

452-بەت

— كوشان — كۇسەن بوددا مەدەنىيەت تىپى [1]؛ — سۇي — تاڭ سۇلالىلىرى جۇڭگو فېئوداللىق مەدەنىيەت تىپى؛ — ئىسلامىيەت شەرقلىق شەكىللەنگەن ئەرەب مەدەنىيەت تىپى؛ — غەربىي ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىن باشلانغان ياۋروپا مەدەنىيەت تىپىدىن ئىبارەت.

بۇ بەش ئاساسىي مەدەنىيەت تىپى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىردەكلىك قانۇنى، ۋارىسلىق قانۇنى ۋە راۋاجلىنىش قانۇنىنى گەۋدىلەندۈرگەن، شەرق — غەرب خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا تۆھپىلىرى ئاساسىدا سىنكرېتلىق تۈزۈلمە ھاسىل قىلغان.

روشەنكى، بۇلاق ۋە دەريالار بولمىغاندا دېڭىز — ئوكيانلار شەكىللەنمىگەندەك، قەدىمكى مىسىر، بابىلون، سىكىتاي، كرىت ئارىلى مەدەنىيەتلىرى بولمىغان بولسا، گرېك مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدىكى رىم ئانتىك مەدەنىيىتىنى تەەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولاتتى. گرېك — رىم مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى، قەدىمكى ئىران ۋە ھىندىستان مەدەنىيەتلىرى تەسىرى بولمىغان بولسا، كىچىككىنە كاپلوۋاستو كېنەزلىكىدىن ھالقىغان ۋە شەرقىي يېرىم دۇنياغا كۆپ ئەسىرلىك تەسىر كۆرسەتكەن كوشان — كۇسەن بوددا مەدەنىيەت تىپى شەكىللەنمىگەن بولاتتى. ئەگەر كوشان — كۇسەن بوددا مەدەنىيىتى، يىپەك يولى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، شىمالىي — جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى سىنكرېتلىق مەدەنىيەت جەمغۇرلانمىشى بولمىغان بولسا، شۆھرەتلىك سۇي — تاڭ سۇلالىلىرى مەدەنىيىتى بولمىغان بولاتتى. يۇقىرىقى مەدەنىيەتلەر، جۈملىدىن ئانتىك گرېك — رىم مەدەنىيىتى تەسىرىدە ئەرەب مەدەنىيىتى تىپى شەكىللەندى ۋە ئۇ ئاندالۇسىيە

453-بەت

(مۇسۇلمان ئىسپانىيىسى) ، فلورېنسىيە قاتارلىق مەدەنىيەت ئۆتەكلىرى ئارقىلىق ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىدى.

ئوتتۇرا — مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى خەلقلىرى — سومېر، ئارىيان، سىمىلىيان، سىكتاي [2]لارنىڭ غەربكە يۆتكىلىشلىرى تۈپەيلى ئۇلار گرېك — رىم مەدەنىيەت تىپىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن كۇشان — كۈسەن بۇددىزىم مەدەنىيەت تىپىگە، ئېلىمىزنىڭ سۇي — تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئالەمشۇمۇل مول مەدەنىيەت تىپىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىختىراچى ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە باي مەدەنىيەت ئۇرۇقلىرى بىلەن ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ يولىنى تۈزگەن غەرب مەدەنىيەت تىپىگىمۇ ئۆچمەس زور تۆھپىسىنى قوشقان.

شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، قەدىمكى كلاسسىك مەدەنىيەت تارىخى ۋە خەزىنىسى بولغان رايون ۋە مىللەتلەر فېئودالىزىم مۇھىتىدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە داخىل بولغان ياكى مۇنداق مەدەنىيەت چەمبىرىكى مەركىزى بولغان چاغلاردا يۈز بەرگەن مەدەنىيەت ئۆركىشى ئومۇمەن «رېنېسسانس» (قايتا گۈللىنىش، ئويغىنىش) خاراكتېرى ئالغان بولىدۇ. سۇي — تاڭ سۇلالىلىرى مەدەنىيىتى دەۋرى قەدىمكى جۇڭگو كلاسسىك مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر قايتا ئويغىنىش بولۇشى، غەرب مەدەنىيىتى دەۋرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، مىسىر ۋە كىچىك ئاسىيا رايونلىرى ئۈچۈن بىر قايتا گۈللىنىش بولۇشى، غەربىي ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىمۇ ئانتىك گرېك — رىم مەدەنىيىتى چەمبىرىكى رايونلىرىغا بىر رېنېسسانس بولۇشى تەبىئىي ۋە ئوخشاش ئەھۋال. مەلۇم مەنىدە، غەرب مەدەنىيەت گۈللىنىشىدە تۇنجى قېتىم كلاسسىك مەدەنىيەتكە مۇيەسسەر بولۇۋاتقان غەرب

454-بەت

مىللىتى ھاكىم ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە مەھكۇم ئۇستازلاردىن زور قىزىقىش بىلەن ئۆگەندى، ئۇلار ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىدە رېنېسسانسقا ئەمەس، بەلكى تۇنجى مۆيەسسەرلىك ۋە گۈللىنىشكە مۇۋەپپەق بولدى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ مەھكۇم ئۇستازلىرى رېنېسسانس خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئۆرنىكى شەكىللەندۈرۈپ، ئەرەب مەدەنىيىتى تىپىنىڭ گۈللىنىشىنى بېزىدى.

رېنېسسانس ھادىسىسى نوقۇل غەربىي ياۋروپاغا خاس ئايرىم ھادىسە ئەمەس، دېگەن قاراشنى ئەڭ دەسلەپ ئاكادېمىك ن. پ. كونراد ئوتتۇرىغا ئاتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ «غەرب ۋە شەرق» ناملىق كىتابىدا: «ئويغىنىش دەۋرى ئىتالىيە خەلقى تارىخىغىلا تەئەللۇق خۇسۇسىي ھالەت ئەمەس. بۇ ئۆزىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا ئىگە بولغان خەلقلەر تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرىدىن بىرى… ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالىي - غەربىي ھىندىستان تارىخىدا IX — XIII ئەسىرلەرنى، ياۋروپا تارىخىدا XV — XVI ئەسىرلەرنى شۇنداق دەۋر ھېسابلاش مۇمكىن»① دەپ يازغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى تېمىسىدا بىر قاتار كىتاب ۋە ماقالىلەر مەيدانغا كەلدى.

مەلۇمكى، IX — XII ئەسىرلەردىكى شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى دەسلەپتە باغداد خەلىپىلىكىنى ئاساس قىلىپ مەيدانغا كەلدى. خەلىپە مەنسۇر، خەلىپە ھارۇن رەشىد، خەلىپە مەئمۇن دەۋرى، بولۇپمۇ ھارۇن رەشىدتىن خەلىپە مەئمۇن ھۆكۈمرانلىقتا تۇرغان دەۋر شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى نامايان قىلدى.

① ن. پ. كونراد: «غەرب ۋە شەرق»، موسكۋا 1966 - يىل رۇسچە نەشرى، 507 - بەت.

455-بەت

IX — XII ئەسىرلەردىكى شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشنى ئومۇمەن ئۈچ ئاساسىي باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن.

ئۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچى باغدادنى مەركەز قىلغان ھالدا خېلى ئۇزاق بىرىمەزگىل داۋام قىلدى. بۇ باسقۇچنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىبنى مۇقەففا، يەھيا ئىبنى مەسئۇد، ھۈنەيىن ئىبنى ئىسھاق قاتارلىق تەرجىمىشۇناسلار [3] ئەقىل ۋە بىلىم بەلۋاغلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، باغداد سىنكىرتىك مەدەنىيىتى ئۈچۈن يول تىكلەيدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسا خارەزمى، ئەبۇ ئابباس ئەھمەد ئەلفەرغانى [4] ، جۈملىدىن ئەررازى [5] ۋە ئەل كىندى [6] قاتارلىق ئالىملار، جۈملىدىن تارىخ — جۇغراپىيە ئالىملىرى مەيدانغا چىقتى. بۇلار خەلىپە مەئمۇننىڭ مەشھۇر «بەيتۈلھېكمە» ناملىق ئاكادېمىيىسىنىڭ چىراغىنى يورۇتۇشتى.

ئۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باغداد خەلىپىلىكىدىن بارغانسېرى مۇستەقىل بولۇپ بېرىۋاتقان رايونلاردا، بۇلار ئىچىدە ئەڭ ئالدى بىلەن بۇخارا — سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا سامانىيلار خانلىقى دەۋرىدە يۈز بەردى. ئەبۇ نەسر فارابى، ئىبنى سىنا، ئەبۇ رەيھان بىرۇنى قاتارلىق مۇتەپەككۇرلار، ئالىملار، پارس كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرى رۇداكى، دەقىقى ۋە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى قاتارلىق ئەدىبلەر مانا مۇشۇ باسقۇچنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. دەرھەقىقەت، بۇ باسقۇچتا بىرىنچى باسقۇچنىڭ داۋامى نىسپىي مەنىدە يەنە ئۆز نۇرىنى چېچىپ تۇرغان، فارابى قاتارلىق مۇتەپەككۇر ئالىملار باغدادتا پائالىيەت ئېلىپ باردى.

ئۇنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى باغداد خەلىپىلىكىنىڭ چۆشكۈنلىشىشى، سامانىيلار تېررىتورىيىسىنىڭ قاراخانىيلار قولىغا ئۆتۈشى نەتىجىسىدە، ئۇلۇغ جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن پۇختا تونۇشلۇقى بولغان ۋە قەدىمكى غەربىي دىيار مەدەنىيىتى

456-بەت

ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان خاقانىيە ئۇيغۇرلىرى رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى بۇ ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ مۇقەددىمىسى بولدى. خارەزم ۋە غەزنە سۇلتانلىقلىرى ھۇزۇرىدا ناسىر خۇسراۋ [7]، نىزامۇلمۈلۈك قاتارلىق ئالىملار پائالىيەت ئېلىپ باردى.

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى خەلقى ئالدىدا ئىپتىخار بىلەن ئوقۇپ، «ئەرەب تىلى بىلەن تۈركىي تىل بەيگىدىكى ئىككى ئاتقا ئوخشىشىدۇ»، «تەڭرى قۇياشى تۈركلەر بورجىدا پارلىدى»، «تۈرك تىلىنى بىلىش ۋاجىپ ۋە زامانە زورۇرىيىتى بولۇپ قالدى» دېگەن سۆزلىرى بۇ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىزاھلاپ بەرگەنىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەد مۇسا خارەزمى، ئەبۇ ئابباس ئەھمەد ئەلپەرغانى، ئەبۇ نەسر فارابى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي ئالىملىرى باغداد ۋە دەمەشققە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى، ئۆمەر ھەييام، ئۇنسۇرى، مانۇچېخرى [8]، ناسىر خۇسراۋ قاتارلىق ئەرەب - پارس تىلىدىكى مۇئەللىپلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراسان تۈركىي سۇلتانلىقلىرىدا ئىلمىي ئەجىر قىلىشتى.

شەرىق مەدەنىيەت ئويغىنىشى بىلەن ياۋروپا رېنېسسانسى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەرگە ئىگە ئىدى. قەدىمكى گرېك — رىم ئانتېك مەدەنىيىتى، كۇشان — كۈسەن بۇددا مەدەنىيىتى، سۇي — تاڭ سۇلالىلىرى كلاسسىك مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى غەربىي دىيار بوستان — شەھەر ئەللىرى مەدەنىيىتى ئەنئەنىلىرىنى مەدەنىيەت قاتلىمى قىلىپ مەيدانغا كەلگەنلىك ھەر ئىككى رېنېسسانس ھادىسىسىنىڭ تارىخىي ئوخشاشلىقى بولدى.

گۇمانىزم ۋە راتسىئونالىزم جەڭگىۋار روھى مەيلى شەرىق ياكى غەرب رېنېسسانسىدا بولسۇن ھۆكۈمران فېئوداللىق تەقىپ ۋە روھانىيەتچىل ئەقىدىلەرگە زىت ھالدا دۇنيانى ئىنساننى مەركەز قىلغان ھالدا ئىزاھلاش ۋە ئىسلاھ قىلىشنىڭ غايىۋى تۇغى

457-بەت

ۋە روھىي تىرىكى بولدى. شەرقتە ئىبىن مۇققەففا، يەھيا ئىبىن مەسئۇد، غەربتە جون. سوۋېلسكى، گېراد كېرمونسكى قاتارلىق تەرجىمانلار [9] ؛ شەرقتە «بەيتۇلھېكمە» (دانالار سارىيى) ، غەربتە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم مەركەزلىرى؛ شەرقتە «مىڭ بىر كېچە» ، غەربتە «دېكامېرون» قاتارلىق ئىنساننى گەۋدىلەندۈرىدىغان بەدىئىي ئەسەرلەر؛ شەرقتە مەنسۇر ھەللاجى، غەربتە جوردانو برونو [10] دەك ئىلاھىيەتچىلىك قۇربانلىرى؛ شەرقتە مۇھەممەد غەززالى [11] ، غەربتە توماس ئاكۇئىنادەك ئىلاھىيەتچىلىك نامايەندىلىرى بىر — بىرىگە تەققاس بولۇشتى.

شەرق ۋە غەرب رېنېسسانسلىرى ئوخشاشمىغان تارىخىي مۇھىت، ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي ھامىلدارلىق ئىچىدە يۈز بەردى. ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە ئاساس سالدى، كېيىنكىسى ياۋروپا كاپىتالىستىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بوشۇكىنى راسلىدى. قول سانائىتى، دېڭىز قاتنىشى، قارا تەنلىكلەر ئۈستىدىكى ئېكسپىلاتاتسىيە، مىللىي دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، كونستىتۇتسىيىلىك مونارخىيە، دىنىي رېفورما ۋە كاپىتالىستىك دەسلەپكى جۇغلانمىنىش ياۋروپادا كاپىتالىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ رېنېسسانس ھادىسىسىنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى غەرب رېنېسسانسنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى.

شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى ئۈچىنچى باسقۇچىنىڭ گۇمانىزملىق مەشئىلى «قۇتادغۇبىلىك» ئۆز سەھىپىلىرىنى ھەممىدىن ئىلگىرى ئىنساننىڭ «تەقدىر» مەھبۇسلۇقىدىن قۇتۇلۇپ ئىجتىمائىي بەخت — سائادەت يارىتىشتىكى ئەركىن مەنىۋى پائالىيىتىگە بېغىشلاپ، غايەت زور تەسىر قوزغىدى. بۇ ئەينى زامان جاھالىتىنىڭ تەكرار مۇھاسىرە ۋە ھۇجۇملىرىدا بىر مەھەل تۇنجۇقۇپ قالغان تەرەققىيپەرۋەرلىك غايىلىرىنىڭ

458-بەت

نوپوزینی تىكلىدى. مۇنداق بىر ئەسەرنىڭ تارىخىي تەرەققىيات تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشەنمەسلىك ۋە بۇ ھەقتە بولمىغۇر مۇھاكىمىلەر بايان قىلىش تارىخىشۇناسلار ئۈچۈن نامۇناسىپ، ئەلۋەتتە.

2. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ نامايەندە

(«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئالدى بىلەن تەپەككۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق راۋاجى ئاساسىدا مەيدانغا كەلدى. ئۇ ئورخۇن - سېلىنگا ۋادىسى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئۇيغۇر ئېتنىك گەۋدىسىنى ئۇيۇشتۇرغان خەلقلەر مەدەنىيىتى، ئىدېئولوگىيە ۋە قاراشلىلار دەۋرىنىڭ ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلدى. ئەڭ قەدىمكى گۈزەل ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر، قەھرىمانلىق داستانلىرى، ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى ئەدەبىياتى، شامانىزم، ئاتەشپەرەستلىك، بولۇپمۇ بوددىزم بىلەن مانىزم يازما ئەدەبىياتى ئەنئەنىلىرى ئۇيغۇرلار تەپەككۇرىغا يېڭى ھۆسن قوشتى.) ئومۇمىي نامى بىلەن «تۇرپان تېكىستلىرى» دەپ ئاتالغان مانىزم دۇئانامىسى، «ئېرىق بېتىك»، «چىستانى ئېلىگ بەگ»، «مايترى سىمىت»، «ئوغۇزنامە»، «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»، تىببىي تېكىستلار، قانۇن ۋەسىقىلىرى بىلەن ئاپىرىنچۇر تېكىن، كۆلتارقان، قالماقېيىشى، فراتياشرى، ئاسىغ تۇتۇق، چىسۇيا تۇتۇق قاتارلىق شائىرلارنىڭ شەئىرىي ئەسەرلىرى، سەگقۇسەلى تۇتۇڭنىڭ قايتا ئىشلىگەن ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرى «ئالتۇن يارۇغ»، «شۇەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، جۈملىدىن «قۇتادغۇبىلىك»كىچە مەيدانغا كەلگەن فارابى، ئىبنى سىنا ۋە ئىسمى بىزگە مەلۇم بولمىغان ئىسلامىيەت ئۇيغۇر — ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىدىكى باشقا

459-بەت

مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر «قۇتادغۇبىلىك»تەك مۇبارەك تەپەككۇر قامۇسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە مۇمكىنچىلىك ياراتتى. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر جەڭگىۋار قىسمى ئورخۇن ۋادىسىدا پەقەت «مەغرۇر قەھرىمان»، «كۆچتە تاغنى يۆلەپ ئالار، غەزەپتە بۇلۇتنى ئالدىغا سۈرەر» (力拔山岳,气贯风云) بولۇپ ①، ئەدەپ، دىيانەت، ئىلىم ۋە مەرھەمەتچانلىقنى بىلمەيتتى، بۇنى 840-يىللىق كۆچۈشتىن كېيىن ئۆگەندى، دېيىلسە، تولىمۇ ناتوغرا بولغان بولاتتى. ئورخۇن ۋە غەربىي دىيار تۇرمۇشى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىدا بىر - بىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۈزۈك قاتلام ھاسىل قىلمىغان ئىككى تارىخىي قەدەمدۇر.

شۇنى ئەپسۇس بىلەن تىلغا ئېلىش لازىمكى، يەنى زامان تارىخى توغرىسىدىكى ئاساسلىق ئەسەرلەردىن ئۇيغۇر تارىخچىسى ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇغاپپارنىڭ «قەشقەر تارىخى» ياكى شۇ زامانغا مەنسۇپ نامەلۇم مۇئەللىپنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرىي كىتابى «تارىخى خانى» دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن. «قەشقەر تارىخى» نىڭ ئايرىم ئۈزۈندىلىرى XIV ئەسىر بېشىدا جامال قارشى تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا يېزىلغان «مۇلاقات ئەل سۇراھ» (سۇراھ قامۇسىغا قوشۇمچىلار) دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بولسا، «تارىخى خانى» نىڭ ئۇيغۇر باخشىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى توغرىسىدا شەرقشۇناس يەزدى (1454 — يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «زەپەرنامە» سى بىلەن ئابدۇللا بىننى مۇھەممەد ئەلى نەسرۇللانىڭ «زۇبرەتۇل ئەسەر» ناملىق ئومۇمىي تارىخ كىتابىدا تىلغا ئېلىنغانىدى. «قەشقەر تارىخى» بىلەن «تارىخى خانى» ئىسلام دۇنياسىغا مەلۇم بولمىغانلىقى تۈپەيلى، «قۇتادغۇبىلىك» كە يېقىن باشقا ئەسەرلەر ھەققىدە سۆزلەشكە ئامالىمىز يوق.

① «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى».

460-بەت

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چوڭ ھەجىملىك تىلشۇناسلىق دەستۇرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ «قۇتادغۇبىلىك» كە يېقىن ۋاقىتتا مەيدانغا كېلىشى، بۇ چاغدا ئۇيغۇر يازما مەدەنىيىتىنىڭ نەقەدەر يوقىرى سەۋىيىدە تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

[«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا ئەقلى - تەپەككۇر، شېئىرىي ئەدەبىياتنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى. ئۇ شەھەرلەشكەن ئۇيغۇر - ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ ھەجىملىك يوقىرى سۈپەتلىك ئىجادىيەتلىرىنىڭ مۇمكىنلىكلەر باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.]

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى زامان شارائىتىدا، ئەرەب - پارس تىلى بېسىمى ئاستىدا «كېيىكتەك» «تۈركۈپ تۇرغان» ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە شۇ ئاساستىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىلىنى «بەيگىدىكى ئاتتەك» ھالغا كەلتۈرۈشتە زور ئۆلگە ياراتتى. «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تىل بايلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بەدىئىي شەكىلدە پايدىلىنىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئېچىپ بەرگەن چوڭ تىپتىكى تىل قامۇسى ۋە ئەدەبىيات قامۇسى بولدى. «قۇتادغۇبىلىك» ئەينى زامان ئېتنىك مۇھىتى، فولكلور ۋە ئېتنوگرافىيىسى، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي مۇھىتنى تەتقىق قىلىشتا نوپۇزلۇق ھۆججەت بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن شېئىرىيىتى «قۇتادغۇبىلىك»تىن باشلاپ يېڭى بىر تارىخىي ئىزغا قەدەم قويدى. ئۇيغۇر خەلقى XI ئەسىردىلا مۇنداق زور ھەجىملىك پەلسەپىۋى ۋە بەدىئىي ئەسەرگە مۇيەسسەر بولغانلىقى بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىن ئىبارەت بۇ ئىككى نادىر ئەسەر بولمىغان بولسا، ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر

461-بەت

تارىخى تەتقىقاتى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگەن بولاتتى.

3. XI ئەسىر جاھان مەدەنىيىتىدىكى نۇرانە تەۋەررۈك

«قۇتادغۇبىلىك» XI ئەسىر شەرق - غەرب يازما ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە نۇرانە تەۋەررۈك ئەسەر سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى. بۇ چاغدا ئېلىمىزنىڭ سۇڭ سۇلالىسى ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە گەرچە مەشھۇر «سۇڭ نەزمىلىرى»دەك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تولاراق خۇددى شائىرە لى چىڭجاۋ نەزمىلىرىدەك قايغۇ - ھەسرەت، ۋىسال - ھىجران ھەققىدىكى قىسقا لىرىكىلار ئىدى.

ئوتتۇرا - يېقىن شەرقتە روداكى، فېردەۋسى قاتارلىق ئەدەبىيات كلاسسىكلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن، پارس ئەدەبىياتىنىڭ يوقىرى نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلغان شەيخ سەئىدى (1203 — 1292)، جالالىددىن رۇمى (1207 — 1272)، ھاپىز شىرازى (1320 — 1389) قاتارلىق قەلەم ئىگىلىرى تېخى دۇنياغا كەلمىگەنىدى. سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ۋەزىرى ۋە ئاتابېكى مەشھۇر مۇئەللىپ نىزامۇلمۈلك تېخى «سىياسەتنامە» ناملىق ئەسىرىگە قەلەم يۈرگۈزمىگەن، ئەمىر كەيكاۋۇس «قابۇسنامە» ئەسىرىنى بېغىشلايدىغان ئوغلى گىلانشاھقا تېخى ئاتا بولمىغانىدى.

غەربىي ياۋروپا خرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىك چىركاۋ قوڭغۇراقلىرى ساداسى ئىچىدە تولىمۇ ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە ۋە دىنىي سوت شەكىللىنىش ئالدىدىكى روھانىيە تۈسىدىكى ئۆكتەملىكى ۋەھىمىسىدە تەمتىرەپ يۈرۈمەكتە ئىدى. نورماندىيەلىكلەر برىتانىيىگە بېسىپ كىرىپ ئەمدىلا فېئودالىزمغا قەدەم قويغان بولۇپ، «ئادەت قانۇنى»دىن باشقا قانۇنشۇناسلىق دەستۇرلىرى

462-بەت

بارلىققا كەلمىگەنىدى. فرانسۇزلارنىڭ «رولاند ناخشىلىرى» ، ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ «سىد» ، نېمىسلارنىڭ «نىبېلۇنگېن» ، رۇسلارنىڭ «ئىگور پولكى ھەققىدە سۆز» قاتارلىق خەلق داستانلىرى تېخى مەيدانغا چىقىشتىن يىراق ئىدى. بۇ ھال «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئەينى زامان ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئالاھىدە ئۆرىگىناللىقىنى، مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالاھىدە قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.

دەرھەقىقەت، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئەينى زامان جاھان مەدەنىيىتىدىكى نۇرانە چوققا ئىكەنلىك ئەھمىيىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھېكمەت دۇردانىلىرى بىلەن بېزەندۈرۈلگەن ھاياتى كۈچى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان تەپەككۇر قەسىرىسى بولغانلىقىدا.

4. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئەينى زامان مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەسىرى

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئەينى زاماندا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئەينى زامان مەدەنىيەت مۇنبىرىدىكى تەڭداشسىز ئۈلگە سۈپىتىدە، ھەر قايسى رايونلار ۋە خەلقلەر ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغانلىقىدا ئىپادىلەنگەن. بۇ ھەقتە «قۇتادغۇبىلىك» كە كېيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوشۇپ كىرگۈزۈلگەن نەسرىي (ۋە كېيىنچە نەزمىي) مۇقەددىمىدە ئەڭ ئىشەنچلىك مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭ راۋانلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى مۇنداق:

بۇ بەك ئەزىز بىر كىتابتۇر، ئۇ، چىن ھېكىملىرىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بېزەلگەن، ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ياسالغانكى، بۇ

463-بەت

كىتابنى ئوقۇغان ۋە بېيىتلارنى باشقىلارغا بىلدۈرگەن كىشى بۇ كىتابتىنمۇ ئەزىزراقتۇر. چىن - ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلگەنكى، مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۈركىستان ئەللىرىدە، تۈركىي سۆز بىلەن بوغراخان تىلىدا ھېچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق [12]. بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غايەت ئۆزلۈكى ۋە پەۋقۇلئاددە گۈزەللىكىدىن، ئاشۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى بىلەن ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەربىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەب بەردى. چىنلىقلار «ئەدەبۇلمۈلۈك» (شاھلارنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرى) دەپ ئاتىدى؛ ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى «ئائىنۇل مەملىكە» (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى) دېسە، مەشرىقلىقلار «زىننەتۇلئۇمرا» (ئەمىرلەر زىننىتى) دېدى؛ ئىرانلىقلار «شاھنامەیى تۈركىي» دەپ ئات قويدى؛ بەزىلىرى «پەندنامەیى مۈلۈك» (پادىشاھلارغا نەسىھەت) دەپ ئاتىدى؛ تۇرانلىقلار «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئات قويدى.

بۇنىڭدىن «قۇتادغۇبىلىك» مەيدانغا كېلىپ قانچە ۋاقىت ئۆتمەي تۆت ئەتراپقا كەڭ تارقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاجايىپ مەنەۋى گۆھەر سۈپىتىدە كۆپلىگەن خەلقلەر ئىچىدە يۇقىرى شۆھرەت قازانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

شۇ نەرسىنى ئىزاھلاش لازىمكى، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ كېيىنكى كۆچۈرۈلمىسىگە قوشۇلغان مۇقەددىمىدە ئىزھار قىلىنغان ھەرخىل ناملار ھەر قايسى رايون ياكى مەملىكەت خەلقىنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ئەسەرگە بېغىشلىغان شۆھرەت نامى بولۇپ، بۇ ناملار شۇ خەلقلەر نەزەردىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ئۈچۈن بېرىلگەن ھۆرمەتنى ئىپادىلەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا مەنى چىقىرىش، مەسىلەن، «شاھنامەیى تۈركىي» دېگەن نامدىن «قۇتادغۇبىلىك» ئابۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سى تەسىرىدە يېزىلغان ياكى ئۇنىڭ تەقلىدى، ئۇسلۇبىدا يېزىلغان دېگەن دەك مۇھاكىمىلەرگە بېرىلىش ئورۇنسىزلىقتۇر. «قۇتادغۇ

464-بەت

بىلىك» داستانىنى «شاھنامە» بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ ئاتاش، ئەينى زامان پارس ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەمەرىسى ھېسابلانغان شۆھرەتلىك ئەسەر بىلەن تەڭلەشتۈرگەنلىك ئىدى، خالاس.

«شاھنامە» X ئەسىردە ئەبۇل مۇئەييەد بەلخى، ئەبۇل ئەلى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد بەلخى، مەسئۇد مەرۋەزى، ئەبۇ مەنسۇر دەقىقى قاتارلىق يازغۇچىلار يېزىشقا ھەۋەس قىلغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى تەرىپىدىن يېزىلىپ تاماملانغان ئىران شاھلىرىنىڭ شەجەرىلىك پائالىيىتى لېگېندىسى بولۇپ، ھەقىقەتەن «ئىران تارىخىنى يوقىلىشتىن قۇتقۇزغان» ئەزىمەت داستان ئىدى. ئەسەرلەرنى ئۇلۇغۋارلىقىدىن بىرىنى ئىككىنچىسى بىلەن مەدھىيەلەش تامامەن مۇمكىن.

بىز «قۇتادغۇبىلىك» داستانى تاماملانپ ئىككى يىلدىن كېيىن تاماملانغان مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق تىل قامۇسىدىن بىۋاستە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك» داستانى توغرىسىدا مەلۇمات ئالالمايمىز. شۇنداقتمۇ بىز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە تىلغا ئېلىنغان «ئاش تاتىغى تۇز، قۇت بەلگۈسى بىلىك» (تاماقنىڭ لەززىتى تۇزدا، بەختنىڭ بەلگىسى بىلىمدە)، «ئەردەم بېشى تىل» (ئەخلاقنىڭ مۇقەددىمىسى تىل) دېگەندەك بىر قاتار بىلىم ۋە ئەخلاققا ئائىت پىكىرلەردىن، ئەفراسىياپ ۋە باھار ھەققىدىكى تەسۋىرىي بايانلاردىن قامۇس خاراكتېرلىك بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ئەينى زامان ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەشتىكى بىردەكلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

نىزامۇلمۈلۈكنىڭ «سىياسەتنامە» ئەسىرىگە «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېھتىمالىنى ئىنكار قىلىش قىيىن. قاراخانىيلار بىلەن يېقىن قوشنىلىق مۇناسىۋىتىدە بولغان سالجۇق سۇلتانلىقىغا بۇ ئەسەرنىڭ تېزلىكتە يېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. نىزامۇلمۈلۈك ئۆز ئەسىرىنى

465-بەت

«قۇتادغۇبىلىك»تىن 4 — 5 يىل كېيىن (ھىجرىيىنىڭ 469 — يىلى، مىلادىيە 1077 — يىلى) تامامىلاندى. بۇ ئەسەر ئۆز قىسمىدا گەۋدىلەندۈرۈلگىنىدەك سىياسىي ھاكىمىيەت تېمىسىدا يېزىلدى. كەيكاۋۇس ئىبنى شەمسۇل مائالى قابۇس تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوغلىغا تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە 1082 — ، 1083 — يىللىرى (ھىجرىيىنىڭ 475 — يىلى) يېزىلغان نەسرى نەسىھەتنامە ئەسىرى «قابۇسنامە» «قۇتادغۇبىلىك» تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن. «قۇتادغۇبىلىك»تىن 10 يىل كېيىنرەك يېزىلغان بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى كەيكاۋۇس ئۆز ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن شەرققە سەپەر قىلىپ بۇخارا، سەمەرقەنت، خارەزمگە كەلگەن ۋە ئالىملار بىلەن سۆزلىشىپ، كىتابلار ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ۋ. ۋ. بارتولدنىڭ تەخمىنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، «قابۇسنامە» نوقۇل ئۆز ئوغلىغا ھايات يوللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يېزىلغان دىداكتىك ئائىلە دەرسلىكى بولۇپ، ئۇ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ بەختىيار ھاياتى توغرىسىدىكى غايىۋى جەمئىيەت قاراشلىرىدىن تولىمۇ يىراق ئەسەر بولۇپ چىقتى.

«قۇتادغۇبىلىك»تە ئاساس سېلىنغان ۋە شېئىرىي شەكىلدە ئىپادىلەنگەن ئىلغار پەلسەپەۋى ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىنكى چىڭگىزخان زامانىدا، بولۇپمۇ ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرىدىكى XIII — XIV ئەسىرگە ئائىت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ( « ئۇيغۇر - خوارەزم » ) [13] دەۋرى بىلەن XV — XVI ئەسىرگە ئائىت «چاغاتاي خانلىقى دۆلەت تىلى» (قىسقىچە چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان) دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى دەۋرىدە داۋاملىق كېڭەيتىلدى، ئەڭ كەم دېگەندىمۇ ئىدىقۇت خانلىقىدىن كېلىپ ئۇرال ساھىللىرىغىچە، قىپچاق دالاسىدىن خۇراسان بوستانلىقلىرىغىچە كۈچلۈك قىزىقىش ۋە تەسىر پەيدا قىلغان. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بۇنداق كەڭ تەسىرى

466-بەت

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پۈتكۈل سىبىر، قىپچاق دەشتىنى، خۇراسان ۋە ئىران تېررىتورىيىلىرىنى موڭغۇل ئىستېلالىچىلىرى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ئەسىرلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالدىنقى ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بىرلىشەشكەن ھالدا داۋام قىلدى.

رۇس ئالىمى، ئالتۇن ئوردىدا ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى سامايلوۋىچنىڭ 1912 — يىلى ئېلان قىلىشچە، ئۇرال — يايىق دەرياسىنىڭ قويۇلىدىغان جايىغا يېقىن ئالتۇن ئوردادا شەھەرلىرىدىن بولغان سارايچىق خارابىسىدىن 1909 — يىلى تېپىلغان XIII ئەسىرگە تەئەللۇق بىر كوزىغا ئەرەب ھەرپى بىلەن ئەينى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا مۇنداق بىر بېيىت يېزىلغان:

كىشى كۆركى يۈز ئول، بۇ يۈز كۆركى كۆز، بۇ ئۆز كۆركى تىل ئول، بۇ تىل كۆركى سۆز. [كىشى گۈزەللىكى يۈزدە، يۈز گۈزەللىكى كۆز، كىشى گۈزەللىكى تىلدا، تىل گۈزەللىكى سۆز.]

سامايلوۋىچنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى مەزمۇندار پىكىرلەرنىڭ ئۆرنەك سۈپىتىدە ھەتتا ھۈنەر-سەنئەت مەھسۇلاتلىرىغىچە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى بولۇپ، بۇ بېيىت «قۇتادغۇبىلىك» تىكى 274 — بېيىتقا ئاساسلانغان:

ئوقۇش كۆركى تىل ئول بۇ تىل كۆركى سۆز كىشى كۆركى يۈز ئول بۇ يۈز كۆركى كۆز [ئەقىل كۆركى تىلدۇر، بۇ تىل كۆركى سۆز، كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆركى كۆز.]

روشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ 274 — بېيىتنىڭ ئالدىدىكى بېيىتتا ئىزاھلاپ ئۆتكىنىدەك، بۇ بېيىت ئەسلى خەلق

467-بەت

ئارىسىدىكى ئەقلىيە سۆزدىن ئېلىنغان ۋە «قۇتادغۇبىلىك» سەھىپىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

«قۇتادغۇبىلىك» چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھاكىمىيىتى دەۋرىدە كەڭ تارقالغانلىقى شۈبھىسىز. تارىخچى ئىبىن ئەرەبشاھنىڭ كۆرسىتىشىچە، چىڭگىزخان دەۋرىدە موڭغۇللار ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر يېزىقىنى «قۇتادغۇبىلىك» يېزىقى دەپمۇ ئاتاشقان.

XIV ئەسىرگە ئائىت مۇھەممەد ھىندۇ شاھ شەمسۇلمۇنشاھنىڭ «دەستۇرۇلكىتاب فى تەئيىن ئەلمەراتىپ» (دەرىجە بەلگىلەش دەستۇرى) ناملىق ئەسىرى بىلەن راشىددىن يازغان «جامىئۇتتەۋارىخ» تا بىردەك تىلغا ئېلىنىشىچە، «قۇتادغۇبىلىك چىڭگىزخانى» ناملىق كىتاب بولغان.

رۇس ئالىمى مېلىئورانسكىينىڭ كۆرسىتىشىچە، «قۇتادغۇبىلىك چىڭگىزخانى» ئىراندا مەيدانغا كەلگەن موڭغۇل سۇلالىسى — ئىلخانىلار دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر كاتىپلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان دەستۇردىن ئىبارەت ئىدى. كۆپلىگەن ئالىملار چىڭگىزخان ياساقلىرى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ھوقۇقشۇناسلىق تەشەببۇسلىرىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا تۈزۈلگەن، دەپ قارىماقتا.

شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، موڭغۇللار ئۆزىنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ كېتىۋاتقان دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقىنى باشقۇرۇشتا ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پايدىلانغانلىقى روشەن. ئۇلار ئۆز ياساقلىرىنى تۈزۈشتە «قۇتادغۇبىلىك»تىن پايدىلانغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەمما ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ دەۋردە «قۇتادغۇبىلىك» ئاتالمىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ شاھانە ئەسىرىگە خاس نامدىن باشقا، ئومۇمەن موڭغۇل ھاكىمىيەتچىلىكىدىكى ئۇيغۇر تىلى نوپۇزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنىمۇ ئۇقتۇرىدۇ.

468-بەت

«قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە توختىلىپ ئا. ن. كونونوف مۇنداق يازىدۇ: «ياۋروپادا تارقالغان دىداكتىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنلىرى <قۇتادغۇبىلىك> غايىلىرىنى يەنىمۇ ئورتاق قىلغان ھالدا ئۇنىڭدىكى ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنى ئىپادىلىگەندەك قىلىدۇ. فرانسۇزلارنىڭ <شاھ سارىيىنىڭ ئېپىكى> ئەسىرى بار، ئىنگلىزلاردىمۇ شۇنداق نامدىكى ئەسەرلەر تارقالغان. نېمىسلاردا بولسا <شاھلار مىزانى> ناملىق ئەسەر بولغان. سلاۋىيانلاردىمۇ <ياخشىلىقنامە> ، رۇسلاردا بولسا <دانىشمەن كىتابى> قاتارلىقلار بولغان» ① .

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مىسىر، ئىستانبۇلدا تېپىلغان نۇسخىلىرى بۇ ئەتراپتا بۇ داستاننىڭ باشقا نۇسخىلىرى بولغانلىقى ھەققىدە كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.

5. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەسىرى

«قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى 3 - باسقۇچىنىڭ نۇرانە مەشئىلى ئۆز نۇرىنى كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەرگىمۇ چاچتى. ئۇنىڭ ئىلھامبەخش پىكىرلىرى ۋە بەدىئىي تۇيغۇسى ئوتتۇرا ئەسىر قاراڭغۇلۇقنىڭ قاتمۇقات پەردىلىرىدىن ئۆتۈپ تەپەككۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.

«قۇتادغۇبىلىك» تىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن دىداكتىك داستان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىخچام ئىپادىسى، «قۇتادغۇبىلىك» ئىدىيىلىرىنىڭ غەيرىي درامىلىق-دىداكتىك شەكلى دېيىش مۇمكىن. «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئۆز

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 19 - بەت .

469-بەت

ماۋزۇسىغا كۆرە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم پەلسەپىۋى ھەقىقەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۇنى ئۆز دەۋر تەقەززاسىغا تەتبىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، «ھەقىقەتلەردىن سوۋغىلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. 14 باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان بۇ داستان خۇددى «قۇتادغۇبىلىك» كە ئوخشاشلا «بۇغراخان تىلى» (ياكى خاقانىيە تىلى) دەپ شۆھرەت نامى بىلەن دۆلەت تىلى سۈپىتىدە ئاتالغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپ قەشقەر شىۋىسىدە يېزىلغان. «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئۈچ جەھەتتىن، يەنى بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ بايان قىلىش ئۇسلۇبىدىكى دراماتىك تۈزۈلۈشنىڭ ئورنىغا بىۋاستە دىداكتىك نەسىھەتنامە بىلەن يېزىلغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، شېئىرىيەت شەكىلىنىڭ بېيىت (مەسنەۋى) شەكىلدە ئەمەس، تۆتلىك (رۇبائىي) شەكىلدە يېزىلغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، ئەسەرنىڭ ئىخچام ۋە قىسقا يېزىلغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى ئۆز داستانىنى «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قانچە مۇھىم مەزمۇنلار — بىلىم ۋە ئۇنىڭ پايدىسى، تىلىنى توغرا ئىشلىتىش ۋە بىر قاتار ئەخلاق كاتېگورىيىلىرىگە قاراتقان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانپەرۋەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر كۆز قاراشلارنى كەڭ تەرغىب قىلغان.

بىز «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» تىكى:

سۆڭەككە يىلىكتەك ئەرەڭگە بىلىك، ئەرەن كۆركى ئەقىل ئول سۆڭەككە يىلىك. بىلىمسىز يىلىكسىز سۆڭەك تەك ھالى، يىلىكسىز سۆڭەككە سۇنۇلماز ئەلىك.

[ ئادەمدە بىلىم بولسا، سۆڭەكتە يىلىك، ئادەم زىننىتى ئەقىل سۆڭەكتە يىلىك. ]

470-بەت

بىلىمسىز بەدەنگە يىلىكسىز سۆڭەك، يىلىكسىز سۆڭەكنى ئالمايمىز ئۆلەك.]

ئىككى نەڭ بىرىكسە بىر يەردە قالى، بۇ كەندى ئول ئەركە مۆرۈۋەت يولى. بىر ئول پاكشار ئەرسە كىبەركسىز سۆزۈگ، ئىككىنج يالغان ئەرسە ئول ئەرنىڭ تىلى. [ئىككى ئىش بىرىكسە بىر يەردە ئەگەر، ياخشىلىق يولىدىن قالمىغاي ئەسەر. بىرىسىدۇر كىبەركسىز سۆزنى كۆپ سۆزلەش، بىرىسى يالغان سۆزدىن قىلماسلىق ھەزەر.]

كەرەم بىر بېنا تەگ ئاڭار ھىلىم ئول ئول، يا بوستان تەگ ئول ھىلىم كەرەم ئال گۈل ئول. يىقىلغىتا تۇرۇپ كەسۆكلۆگ ئولا بۇ ئىتتۈگلۈگ ئەركە ئازاد ئۆز قول ئول. [كەرەملىك بىنادۇر، ئاق دىللىق ئولى، يا بوستان ئاقدىللىق كەرەملىك گۈلى. يىقىلغاننى يۆلە، سۇنغاننى ئولا، مۇنداق ئەركە ھۆرلىكنىڭ تۇتۇشار قولى. ①]

قاتارلىق رۇبائىيلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قانچىلىك بىۋاستە ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تولىمۇ ئېنىق ھېس قىلىمىز. ئەلىشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ «نەسىمۇل مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىدە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ تىل توغرىسىدىكى رۇبائىيىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەچ: «بۇ كۆر شائىرنىڭ قەلب

471-بەت

كۆزى روشەن بولۇپ، ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەنمۇ روشەن ئىدى»① دەپ يازغانىدى. نەۋائىينىڭ ساۋاقدىشى ۋە ھىرات سۇلتانى شائىر ھۈسەيىن بايقارا ئۆز ئوغلى بەدىئۇز زامانغا يازغان تەربىيىۋى خەت - چەكلىرىدىمۇ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»تىن مىسرالار كەلتۈرگەن.

«قۇتادغۇبىلىك»تىن ئىككى يېرىم ئەسىر كېيىن راۋان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان نەسرىددىن رابغۇزى بىننى بۇرھانىددىننىڭ نەزم - نەسىرلىك مەشھۇر ئەسىرى «قېسسەسۇل ئەنبىيا» (پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسە) ئۈستىدىكى سېلىشتۇرما مۇلاھىزىلەر بۇ ئەسەر ئاپتورىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى روشەنلەشتۈردى. «قېسسەسۇل ئەنبىيا»دا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاقىلانە سۆزلىرى ۋە پەزىلەتلىك ئىشلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپلىگەن ھەدىسلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدىيىلىرىگە يانداش بولۇپ قالماي، يەنە ئۇنىڭدىكى «باھارىيات» تەسۋىرىمۇ «قۇتادغۇبىلىك»تىكىگە يانداش، ھەتتا ئوخشىشىپ كەتكەن. بىز بۇ يەردە ئۆز ماۋزۇىمىز ئېتىبارى بىلەن بۇ ئىككى باھارىيات تەسۋىرىنىڭ ئوخشاشلىقىنى تېكىستولوگىيىلىك سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تۈركىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ئاشىق پاشاغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم②.

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ «بۇغراخان تىلى» دەپ ئاتالغان ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچى قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىن «غەربىي ۋە شەرقىي ئالتۇن ئوردا ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەھمىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىپلا

① نەۋائىي: «نەسەيمۇل مۇھەببەت» ، ئۆزبېكچە نەشرى، 273 - بەت.

② رەشىد رەھمەتى ئارات: «قۇتادغۇبىلىك، كۆ مۇقەددىمە»گە قارالسۇن.

472-بەت

قالمىستىن (شۇنىڭدەك ئالتۇن ئوردا خان سارايلىرىدا كاتىپ بولغان، نائىپلىق ۋە باشقا مەنسەپلىرى بىلەن ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلار تەسىرىدە ئۇلارنىڭ تىلىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ساقلانغان) ، ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدە ئىشلىتىدىغان تامغا، ئالاھىدە مۇكاپات ۋە يارلىقلارىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانىدى. ئالتۇن ئوردا بۇ ھالەتنى تاكى XVI ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ كەلگەن» ① .

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا كەلگەندە، بولۇپمۇ تۆمۈرىلەر سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پۈتكۈل خۇراسان ۋىلايەتلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئېپىتخارى ھېسابلانغان «قۇتادغۇبىلىك» ئۆز تەسىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. بىز بۇنى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ شاھروخ زامانىدا، ھىجرىيەنىڭ 843 - يىلى (1439 - يىلى) ھىراتتا قايتا كۆچۈرۈلگەنلىكىدىن ئايدىڭلاشتۇرالايمىز ② .

«قۇتادغۇبىلىك» مەۋلانا سەئىدى، ئابىدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى مەۋلانا سەئىددىن قەشقەرى، ھاپىز خارەزمى، ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئابابەكرى سەككاكى، ئەبەيدۇللا لۇتفى، شەيخزادە ئاتائى، بابۇر ئىجادىيىتىگە، بولۇپمۇ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىجادىيەت غايىسىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىلىرى ھېسابلانغان نىزامى گەنجىۋى، قۇتبى، سەيفى سارايى، يەقىنى، يۈسۈپ ئەمىرى، مۇشپىقى، زەينىدىن مۇھەممەد ۋاسىپى، مۇھەممەد شەرەپ …

① ۋ. ب. رادلوف: «توختامىش ۋە تۆمۈر قۇتلۇقنىڭ يارلىقلىرى» ، 1888 - يىلى، رۇسچە نەشرى، II توم.

② بۇ يەردە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋېنادا ساقلانغان نۇسخىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

473-بەت

گۈلخانى قاتارلىق ئەدىبلەرگە مۇئەییەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. بىز سەككاكىنىڭ ئۇلۇغلىققا ئاتىغان قەسىدىلىرىدىن بىلىم ۋە ئادالەت مەدەھىيىلىرىنى ئۇچراتساق، لۇتفىنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانى، قۇتبى، نىزامى ۋە نەۋائىنىڭ «خۇسراۋ ۋە شېرىن»، «پەرھاد ۋە شېرىن» داستانلىرىدىن ئەقىل - پاراسەت، بىلىم ۋە پەزىلەتنىڭ پاراسەتسىزلىك، نادانلىق ۋە زورابانلىق ئۈستىدىكى تارىخىي مەسخىرىسىنى كۆرىمىز. نىزامىنىڭ «ئىسكەندەرنامە»سى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئىقبالنامە» قىسمى، نەۋائىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق داستانىدىكى ئادالەتلىك، غايىۋى دۆلەت ۋە پادىشاھ ھەققىدىكى ئىدىيىلىرى توغرىدىن - توغرا فارابى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرى بىلەن تۇتاشقان.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، نەۋائىنىڭ مەشھۇر پەلسەپىۋى ئەسىرى «مەھبۇبۇل قۇلۇب» (قەلب مەھبۇبى) خۇددى ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسىرىدەك كۆپ ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە قارىتىلغانىدى. نەۋائى بۇ ئىلمىي ئەسىرىنى شېئىرىي شەكىلدە ئەمەس، بەلكى پۇبلىستىك شەكىلدە يازغان. ئۇنىڭ «ئادىل سۇلتان زىكرىدە»، «زالىم، جاھىل ۋە پاسىق پادىشاھلار زىكرىدە»، «دىيانەتسىز باشلىقلار (سەدرىلەر) زىكرىدە»، «پاسىق ۋە بەدنىيەت باھادىرلىغ لاف ئۇرغان نەۋكەرلەر زىكرىدە»، «قۇززات زىكرىدە»، «تۆھپىلەر زىكرىدە»، «شائىرلار زىكرىدە»، «مۇغەننىيلەر زىكرىدە»، «تىجارەت ئەھلى زىكرىدە»، «دېھقانلار زىكرىدە»، «رىيايى (جىنايى) ماشايىخلار زىكرىدە»، «خوتۇنلار زىكرىدە»، «تەۋەززۇ ۋە ئەدەپ زىكرىدە»، «ساخاۋەت ۋە ھىممەت زىكرىدە» قاتارلىق كۆپلىگەن بابلىرىدا ئىلگىرى سۆرۈلگەن ئىلغار پىكىرلىرىدىن ھېچ ئىككىلەنمەي نەۋائى ۋە

474-بەت

ئۇنىڭ دەۋرىگە خاس ئىلغار ئىدېئولوگىيىلىك كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار» ، «بەختكە يېتەكلىگۈچى يول» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى تەھلىل قىلىمىز . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى غ . ئاشۇروف ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مۇسۇلمان مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىدە : ئەلىشىر نەۋائىي ( XV ئەسىر ) يۈسۈپ خاس ھاجىپ ( XI ئەسىر ) ، مەھمۇد قەشقەرى ( XI ئەسىر ) ، ئەھمەد يۈكنەكى ( XII — XIII ئەسىر ) ، نەسەىمى ( 1369 — 1417 — يىللار ) قاتارلىقلارنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تۈركىي تىلى ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى ، دەپ يازغان .

دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ، ھەر قايسى ئەللەر ئىلغار پەلسەپىۋى ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئاساسىدا ، «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىپادىلەنگەن كۆز قاراشلار تېخىمۇ ئابستراكت ، تېخىمۇ غايىۋى شەكىلدە ھەر قايسى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تەپەككۇر نامايەندىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن . بىز بۇنى سەئىدىيە دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئۈلگىسى ھېسابلانغان ئايازبەك قوشچىنىڭ غەزەللىرى بىلەن «جاھاننامە» داستانىدىن ، قەدرى ۋە ئاماننىسا (نەفىسى) ئەسەرلىرىدىن ، جۈملىدىن سەئىدىيە دەۋرىدىن كېيىنكى ئەدەبىيات نامايەندىلىرى — خوجام قۇلى خىرقەتى ، بابا رەھىم مەشرەپ ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ، نوبىتى ، خوجا جاھان ئەرشى ، مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ، ئابدۇرېھىم نىزارى ، زىيائى ، سەبۇرى ، غېرىبى ، بىلال نازىمى قاتارلىق …

475-بەت

ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز .

6 . قىسقىچە يەكۈن

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە توققۇز ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتتى . بۇ ئەسنادا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەر ئىدېئولوگىيىسىدە غايەت زور تارىخىي خاراكتېرلىك يۈكسىلىشلەر يۈز بەردى . ماركسىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت بىلىش تارىخىدىكى مىسلىسىز زور ئىنقىلاب سۈپىتىدە بارلىق تەپەككۇر ۋە ئەمەلىيەت جەريانىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى . ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت جەھەتتىكى ، تەبىئەت ۋە ئۆزئۆزىگە بولغان تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ كونساناپ ئۆسكەندەك ئىلگىرىلىشىمۇ ماركسىزم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە .

كارل ماركس «مۇقەددەس ئائىلە» ناملىق ئەسىرىدە : «تارىخ ئۆز مەقسىتىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت» ، «ھېچقانچە ئەقىل سەرپ قىلمايمۇ ئادەم خاراكتېرىنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدىكى ، ئادەملەردىكى ئەقىل كۈچىنىڭ باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى ، تەجرىبە ، ئادەت ، مائارىپنىڭ ھەممىگە قابىللىقى توغرىسىدىكى ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئادەمگە تەسىرى توغرىسىدىكى ، سانائەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى ، كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ماتېرىيالىزمنىڭ تەلىماتىنىڭ كوممۇنىزم ۋە سوتسىيالىزم بىلەن مۇقەررەر ئالاقىسى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن»① دېگەن ئىدى .

① «ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى» ، خەنزۇچە نەشرى ، II توم ، 167 - بەت .

476-بەت

لېنىن «ماركسىزمىنىڭ ئۈچ مەنبەسى ۋە ئۈچ تەركىبىي قىسمى» ناملىق ماقالىسىدە: «پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەن تارىخى تولىمۇ روشەن ئىپادىلىدىكى، ماركسىزمنىڭ گۆرۈھۋازلىق بىلەن ھېچقانداق ئوخشاش يېرى يوق، ئۇ ھېچقانداق دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ داغدام يولىدىن ئايرىلغان ھالدا پەيدا بولغان بىر تەرەپلىمىلىك، تار ۋە جاھىلانە تەلىمات ئەمەس. دەل بۈنىڭ ئەكسىچە، ماركسنىڭ پۈتۈن تالانتى شۇ يەردىكى، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ھەرخىل مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ تەلىماتى شۇ خىل ئۇلۇغ پەيلاسوپلار، سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلار ۋە سوتسىيالىستلارنىڭ تەلىماتلىرىغا بىۋاسىتە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن» ① دەپ كۆرسەتكەن. ماركسىزم ياكى باشقا ئىنسانپەرۋەر تەلىماتلار پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلىش تارىخىنىڭ بىردەكلىك قانۇنىيىتى، ۋارىسلىق قانۇنىيىتى ۋە راۋاجلىنىش قانۇنىيىتىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، بارلىق ئىلغار پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي تەلىماتلارغا، بارلىق ئىنسانپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر ۋە ئۇتوپىك كۆز قاراشلارغا ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» بارلىق مۇنەۋۋەر ئەقىل — ئىدراكى دەستۇرلىرىدەك مەزمۇنەن دەۋرىمىزنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتمۇ، ئۇ خاس دەستۇر ھېسابىدا ھېلىمۇ ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلغۇچىغا ئۆز خەزىنىسىنى يايىدۇ.

① لېنىن: «ماركس – ئېنگېلس ۋە ماركسىزم» ، 1956 – يىل خەنزۇچە نەشرى،

64 – بەت.

477-بەت

X باب «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى ئۇچۇرلىرى

«شۈكرىلىللا ھالىتىم زاھىر بولۇپتۇ يارىغا، ئەمدى ئۆزۈنى كۆرسەتەي يار ئالدىدا ئەييارىغا.» — سۇلتان سەئىدخان

1. «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدىكى تېكىستولوگىيىلىك ئۇتۇقلار

1721- يىلى 31 - دېكابىر پولشالىق د. گ. مېسسېرشېمىت (1685 - 1735) ئورخۇن بويىدىن يەرلىك كىشىلەر ياردىمىدە ئىسمى ۋە خېتى نامەلۇم مەڭگۈ تاشنى تاپتى. ئۇنى 1893 - يىلى دانىيىلىك ۋېلگېلم لستۇدۋىگ تومسېن ئوقۇپ يەشتى①. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرپان — دۇنخۇاڭدىن ھازىرقى كۈندە «تۇرپان تېكىستلىرى» دېگەن ئومۇم نامدا ئاتىلىۋاتقان بىر قاتار كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار تېپىلدى. تاش ۋە قەغەزگە

① گەرچە «كونا تاڭنامە» 194 - جىلدتا «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرۇلغان، 1692 - يىلى گوللاندىيىلىك ن. ۋىتزېن «شمالىي ۋە شەرقى تاتارىيە» ناملىق كىتابىدا، 1696 - يىلى روسىيىلىك سىبىرىيە رەھبىرى «سىبىرىيە خەرىتىسى» ناملىق كىتابىدا ئورخۇن - يەنەسەي مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بەرگەن بولسىمۇ، بۇ يېتەرلىك دىققەت قوزغىمىغانىدى.

478-بەت

يېزىلغان بۇ ئىككى تۈركۈم تارىخى ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلىشى ۋە ئوقۇلۇشى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى خاسىيەتلىك ئىككى كاتتا مۆجىزە بولدى.

1796 - يىلى ئاۋستىرىيىلىك فون. ھاممىر پورگىشتال (1774 - 1856) ئىستانبۇلدىكى كىتابپۇرۇشلارنىڭ بىرىدىن كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھېرات نۇسخىسىنى تېپىپ ئۇنى ۋېنا مۇزىيىغا بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەۋجۇتلۇق خەۋىرى تارقىلىدۇ. 1823 - يىلى «ئاسىيا» ژۇرنىلىدا پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىن شەرق تىللىرى بويىچە پروفېسسورى ئا. پ. ژائۇبېرت (1779 - 1847) تۇنجى قېتىم بۇ قوليازما ئۈستىدە ئىشلەپ ئۇنى ئېلان قىلىدۇ. ئارقىدىن گ. فليۇگېل، ئې. بېرنزىن، ن. ئىلمىنىسكىي قاتارلىق شەرقشۇناسلار ئا. پ. ژائۇبېرت ئېلان قىلغان بىرىنچى نۇسخىدىكى «قۇتادغۇبىلىك» نى ئۆزلىرىنىڭ «تۈرك ئەدەبىيات خرېستوماتىيىسى» ، «تۈرك - تاتار تىل ئوقۇشلۇقى» قاتارلىق كىتابلارغا كىرگۈزۈشىدۇ.

ئىككىنچى بولۇپ مەشھۇر ۋېنگر ئالىمى ۋامبېرى (1831 - 1913) 1870 - يىلى بۇ ئەسەردىن 951 بېيىتنى نېمىس تىلىدا ئىشلەپ، «ئۇيغۇر تىلى يادىكارلىقى (قۇتادغۇبىلىك)» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ. ژائۇبېرت بىلەن ۋامبېرى تولۇق ۋە تېرەن بولمىسىمۇ ھەر ھالدا بۇ مەشھۇر ئەسەرنىڭ تۇنجى تېكىستولوگىيىلىك قەدىمىنى باستى.

1914 - يىلى ئىستانبۇلدىن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى تېپىلدى. ئەمدىلا ئىلىم دۇنياسىغا تونۇشلۇق بولۇۋاتقان «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر خاسىيەتلىك بىر جۈپ مۆجىزە بولدى.

479-بەت

روسىيە شەرقشۇناسى ئاكادېمىك ۋ. ۋ. رادلوف (1837 – 1918) 20 يىللىق ھاياتىنى سەرپ قىلىپ 1890 – 1910 - يىللىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋېنا نۇسخىسى ئاساسىنى، ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى، نېمىس ۋە روس تىلىدىكى تەرجىمىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپ چىقتى. ئۇ چوڭ ھەجىملىك تېكىستولوگىيىلىك خىزمەتنى باشلىغانىدى.

ھېرات (ۋېنا) نۇسخىسى تېپىلىپ 100 يىلدىن كېيىن 1896 – يىلى مورېتىز قاھىرەدىكى «ھىدىۋ» كۇتۇپخانىسى يەر ئاستى زالىدىن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قاھىرە نۇسخىسىنى تاپتى. بىرىنچى نۇسخا تېپىلىپ 118 يىلدىن (ئىككىنچى نۇسخا تېپىلىپ 18 يىلدىن) كېيىن 1914 – يىلى زەكى ۋەلى زادە (كېيىنچە پروفېسسور فىترەت) تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئەڭ نادىر نۇسخىسى – نەمەنگان نۇسخىسى تېپىلدى.

رادلوف ئۆز كۆللىمىدىكى تەتقىقات «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋېنا (ھېرات) ۋە قاھىرە نۇسخىلىرىنى تېكىستولوگىيىلىك سېلىشتۇرۇش، تولۇقلاش ۋە نېمىس تىلىدىكى بىرلەشمە تولۇق تەرجىمىسىنى ئېلان قىلىش (1910 – يىلى) بىلەن چەكلەندى. رادلوف ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى س. ي. مالوف «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۈچ نۇسخىسى ئۈستىدە تېكىستولوگىيىلىك ۋە ترانسكرىپسىيىلىك خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. رادلوف ۋە مالوف زاھىرەت ئامبېرىدى، ۋامبېرىدىن كېيىن ئۈچىنچى بولۇپ تېكىستولوگىيىلىك خىزمەتكە تۇتۇندى. ئەگەر «قۇتادغۇبىلىك» تېكىستولوگىيىلىك تەتقىقاتىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتى جەھەتتىن ھېسابلىغاندا، رادلوف ۋە مالوفلار تۇنجى بولۇپ چوڭ قەدەمدە بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرغۇچىلار بولدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن رەشىد رەھمەتى ئارات «قۇتادغۇبىلىك»

480-بەت

تېكىستولوگىيىلىك تەتقىقات تارىخىنىڭ چوڭ كۆلەملىك ۋە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بىر باسقۇچى باشلاندى. ئۇ 1942 — 1943 — يىللىرى داستاننىڭ ئۈچ نۇسخىسىنىڭ فوتو كوپىيىلىرىنى نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن، 1947 — يىلى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بىرىنچى تومى، 1959 — يىلى ئىككىنچى تومى، 1979 — يىلى ئۈچىنچى تومنى ئىشلەپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئەمگىكى «قۇتادغۇبىلىك» فاكسىمىلىنى تۇرغۇزۇشتا جاھان ئېتىراپ قىلغان زور ئىنچىكە ئەمگەك بولدى.

رەشىد رەھمەتى ئارات فاكسىمىلى ئۆلگىنىدە 1971 — يىلى نائۇماگربىنھۇا «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ قىسقا ھەجىملىك رۇسچە نۇسخىسىنى موسكۋادا ئېلان قىلدى. ئۇ 1963 — يىلى تاشكەنتتە ئۇنىڭ تېخىمۇ چاققان بىر شەكلىنى نەشر قىلدۇرغانىدى.

ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموف 1971 — يىلى تاشكەنتتە بۇ داستاننىڭ نەمەنگان نۇسخىسى ئاساسىدىكى ئۆزبېكچە تولۇق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى.

1983 — يىلى س . ن . ئىۋانوف ئىشلىگەن داستاننىڭ تولۇق نەزمىي نۇسخىسى رۇس تىلىدا موسكۋادا، روبېرت دانكروف ئىشلىگەن ئىنگلىزچە نۇسخىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە نەشردىن چىقتى.

1984 — يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەھمەد زىيائىنى مەركەز قىلغان «قۇتادغۇبىلىك»نى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى ئىشلىگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي ۋە شەمسىي بىلەن بېرىلگەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تولۇق نۇسخىسى بېيجىڭدا نەشر قىلىندى. ئارقىدىنلا 1986 — يىلى بۇ داستاننىڭ خەنزۇچە ترانسكرىپسىيىسىز نەزمىي تەرجىمە نۇسخىسىمۇ بېيجىڭدا نەشر قىلىندى. بۇ يىللار ئىچىدە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۈچ نۇسخىسىنىڭ فوتو كوپىيىلىرى بېيجىڭدا ئايرىم —

481-بەت

ئايرىم كىتاب شەكىلدە نەشر قىلىندى.

1986 — يىلى داستاننىڭ ھازىرقى زامان قازاق تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى ئالما — ئاتا شەھىرىدە «قۇت بىلىك» ماۋزۇسىدا نەشر قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، كۆپ زامانلار كىشىلەر دىققىتىدىن غايىب بولغان بۇ قۇتلۇق داستان ھەرقايسى قىتئەلەر، دۆلەت، رايونلار كۇتۇبخانىلىرىدىن قايتا ئورۇن ئالدى.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تېكىستولوگىيىلىك تەتقىقاتى خېلىلا بىلىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى. دانىيىلىك مەشھۇر يېزىق ئالىمى ۋ. تومسېن (1842 — 1927) رادلوفنىڭ دېگىنىدەك ئوقۇيالىمىغان ۋە ئىزاھلىيالمىغان كۆپلىگەن ئىبارە ۋە بېيىتلەرنى تولۇقلىدى. ئا. باسقاقوف، ئا. م. شېرباك قاتارلىق تونۇلغان تىلشۇناسلار بۇ ئىشقا كۆپ كۈچ چىقاردى. ئورخۇن — يېنسېي مەڭگۈ تاشلىرى، تۇرپاندىن تېپىلغان تېكىست ۋە ۋەسىقىلەر، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» قاتارلىق ئەسەرلەر بىزگە يوللۇغ تېكىن، تۇنيۇقۇق ئابىدىسى، سەگۈنسەلى تۈتۈك، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ لېكسىكا، فونېتىكا، مورفولوگىيە، گرامماتىكا، تىپولوگىيە، قىسقىسى تىلشۇناسلىقتىكى بىر گەۋدىلىك ۋە تەرەققىيات ھالقىلىرى سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ بەردى. ئېيتىش مۇمكىنكى، «قۇتادغۇبىلىك» تېكىستولوگىيىسى تەتقىقاتىدا ئەسەر خاراكتېرلىك زور نەتىجە قولغا كەلدى.

يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش ھاجەتكى، «قۇتادغۇبىلىك» تېكىستلىرىدە ھازىر ئىككى جىددىي مەسىلە ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئەسلى تېكىستىنى ھەرقايسى تۈركىي تىلدىكى قېرىنداش مىللەتلەر تىلىدا نەشر قىلغاندا ئۆز تىلى ئالامەتلىرىگە بويسۇندۇرۇش ياكى تارتىش ھادىسىسى. بۇ غەيرىي ئىلمىي ھادىسە بولۇپ، ئۇ كەلگۈسى بىر پۈتۈن ئىلىم دۇنياسىغا

482-بەت

ھازىرقىلارنى ئاتالمىش «مىللىي ھېسسىيات»تا مەسخىرە قىلغۇدەك قىيىنچىلىقلار ۋە ئوقۇشماسلىقلار پەيدا قىلىدۇ. ئونىڭ ئىككىنچىسى، ھەر خىل تەرجىمە ۋە يېشىملەردە يېتەرلىك ئىستايىدىل بولماسلىق، ھەر خىل ئوقۇم، ئىبارىلەرنى ئەڭ ئاخىرقى خاس مەنىسى بويىچە ئىشلىمەسلىك، ھەتتا «بايات» نى «خۇدا» ، «ھالاللىق»نى «سېخىيلىق» ، «ئۆك»نى «ئەقىل» دېگەندەك تەرجىمە قىلىش ھادىسىلىرى بايقالدى. بۇ خاس كېسىملەر بويىچە ئىلمىي كاتېگورىيىلىك تەتقىقاتتا ئاشكارىلىنىدىغان قۇسۇر بولۇپ، بۇ تەتقىقات خىزمىتىگە مۈشكۈللۈك تۇغدۇرىدۇ.

بىز ئومۇمىي مەنپەئەتلىنىشتە بۇ تەرجىمە تېكىستلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە، ئەمەلىي ئىلمىي تەتقىقاتتا چوقۇم ئەسلىدىكى ترانسكرىپسىيىگە ئاساسلىنىشنى، كۆپرەك «قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى»دىن پايدىلىنىشنى مۇۋاپىق كۆرىمىز.

س. ن. ئىۋانوف توغرا ئېيتقان: «ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تېخى ئاساسەن تەتقىق قىلىنمىغان <قۇتادغۇبىلىك> تېكىستىنى تەتقىق قىلىش لازىم»① . «داستاننىڭ ھازىرغىچە مەخسۇس تەتقىق قىلىنماي كەلگەن تېكىستى ناھايىتى ئېنىق تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك»② . شۇنداق، بۇ ئەسەر ئالاقىدار پەن تارماقلىرى بويىچە تەپسىلىي، كاتېگورىيىلىك تەتقىق قىلىنىشقا موھتاج.

2. چەت ئەللەردە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى

«قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە باھا خاراكتېرلىك تۇنجى

① «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 31 — ، 42 — بەتلەر. ② «چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە» ، 31 — ، 42 — بەتلەر.

483-بەت

خەۋەردىن باشلاپ ھازىرغىچە ئازغىنا كەم ئىككى ئەسىر ۋاقىت ئۆتتى. بۇ ئەسنادا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تولۇق تىزىملىكى ئۈچۈن بىر كىتابچە كېرەك. تۆۋەندە ئۆتكىل خاراكتېرلىك ئالىملار تەتقىقاتى ۋە ئۇلاردىكى ئورتاق يۆنىلىش ئۈستىدە توختىلىمىز. خاتالىق ۋە ئىختىلاپلارنىڭ تولۇق خەزىنىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىيەلمەسلىك بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرىغا قارىتا تېرەن كۆرەلمەسلىكتىن يۈز بەرگەنىدى.

1870 — يىلى ۋامبىرى: «ئۇيغۇر يادىكارلىقى (قۇتادغۇبىلىك)» ناملىق مۇقەددىمىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1891 — يىلى ۋ. ۋ. رادلوف: «قۇتادغۇبىلىك، ۋە يۈسۈپ بالاساغۇنى» ناملىق ماقالىسىنى، 1893 — يىلى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1915 — يىلى زەكى ۋەلىدى «پەرغانە ۋادىسىدىن تېپىلغان شەرق قوليازمىلىرى» ناملىق ئاخبارات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ فىترەت 1925 — يىلى «مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى» ژۇرنىلىدا «قۇتادغۇبىلىك» نەمەنگان نۇسخىسى توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى ۋە 1928 — يىلى «ئۆزبېك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى» دا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى؛ 1929 — يىلى مالوف: «قۇتادغۇبىلىك، نىڭ ئۈچ قوليازما نۇسخىسى» دېگەن ئەمگىكىنى، 1948 — يىلى «قۇتادغۇبىلىك» فاكسىمىلىنى ئېلان قىلدى؛ 1938 — يىلى ئا. ئا. ۋالىتوۋا: «قۇتادغۇبىلىك، داستانىنىڭ ئىجادىيەت تېمىسى توغرىسىدا» ، 1943 — يىلى «قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سىياسىي ماھىيىتى توغرىسىدا» ، 1951 — يىلى «يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە ئۇنىڭ داستانى (قۇتادغۇبىلىك) توغرىسىدا» ، 1958 — يىلى «قۇتادغۇبىلىك، داستانىدىكى فولكلورچىلىق» ، 1976 — يىلى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك مىراسى» قاتارلىق ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى، ئا. ئا. ۋالىتوۋا «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا

484-بەت

تارىخشۇناسلىق يۆنىلىشىگە يول ئاچتى؛ 1941 — يىلى ك. ژوكوۋىسكىي: «ئۇلۇغ سەنئەت» دېگەن ئەمگىكىنى ئېلان قىلدى؛ 1944 — يىلى ئې. ئې. بېرتېلبىس: « <قۇتادغۇبىلىك> ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق ماقالىسىنى ئۇيغۇرچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى 3 — 4 — سانلىرىدا ئېلان قىلدى؛ 1954 — يىلى ئو. پرىتساك: «قاراخانىيلار ھەققىدە» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇردى؛ 1959 — يىلى «ئۆزبېك ئەدەبىيات تارىخى» I تومىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى؛ ئې. ۋ. بوروۋكوۋا 1963 — يىلى: « <قۇتادغۇبىلىك> — بەخت ئىلمى» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى؛ 1970 — يىلى ئا. ن. كونونوۋ: «يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە ئۇنىڭ داستانى <قۇتادغۇبىلىك> توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1970 — يىلى ئې. ۋ. ستېبلىۋا: « <قۇتادغۇبىلىك> پويېتىكىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1970 — يىلى س. گ. كلياشتۇرى: « <قۇتادغۇبىلىك> دەۋرى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1972 — يىلى دىلئاچار: « <قۇتادغۇبىلىك> ئىنجىلەمىسى» ناملىق مۇھىم كىتابنى نەشر قىلدۇردى؛ 1972 — يىلى ئې. ن. نەجىپ: « <قۇتادغۇبىلىك> نىڭ نەمەنگان ۋە قاھىرە نۇسخىلىرىدىكى سېلىشتۇرما تەھلىل» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى «لومونوسوۋ» نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتتى؛ 1979 — يىلى ھ. ماخمۇتوف: « <دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> ۋە <قۇتادغۇبىلىك> تەكى كىشى ناملىرى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1979 — يىلى ئې. ر. تېنىشېف: «قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي يېزىقتىكى يادىكارلىقلار» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1981 — يىلى ۋ. كاراىيوف: « <قۇتادغۇبىلىك> تەكى ئاتالغۇ ۋە ناملار توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىنى، 1986 — يىلى «يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە ئۇنىڭ دەۋرى»

485-بەت

دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ كاپسۇغلۇ: «قۇتادغۇبىلىك، ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1981 - يىلى ب. سۇلتانوف: «قۇتادغۇبىلىك، ئەسىرىدىكى ئەرەبچە - پارسچە سۆزلەر» ناملىق ئەسىرىنى؛ 1983 - يىلى س. ن. ئىۋانوف: «يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا» دېگەن مۇقەددىمىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1983 - يىلى مۇھەممەد ماخۇنوف: «قىسقىچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» نىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» تېمىلىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1985 - يىلى ئەزىز نارىنبايوف، قاسىموفلار: «بابالىرىمىزدىن قالغان مىراس قۇتادغۇبىلىك، نىڭ يېڭى نەشرى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى؛ 1985 - يىلى مانى ئەيجى: «قۇتادغۇبىلىك، نىڭ تۈركچە، رۇسچە، ئېنگلىزچە نۇسخىلىرىغا يېزىلغان كىرىش سۆزلىرى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بروككېلمان، گۇتتو ئالبېرت، بارتولد، كوفىر لوزادە، مۇھەممەد فۇئاد، نۇررىزا، مەسئۇدى، مۆرات ھەمرايوف، خوجا ئەھمەد سەيىدۋاققاسوف، سالىھ مۇتەللىپوف، ساۋۇت موللايوف قاتارلىق كۆپلىگەن مۇئەللىپلەر قامۇسلار، دەرسلىكلەر، كىتابلاردا بۇ تېمىدا ماقالىلەر يازىشتى ياكى بۇ تېمىدا توختالدى.

بۇ ئىلمىي ئەسەرلەر «قۇتادغۇبىلىك» تېكىستولوگىيىسى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ خاراكتېرى، تىلى ۋە شەكلى توغرىسىدا تونۇشنى ئالماشتۇرۇش، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى، تارىخىي مۇھىتى ۋە فولكلورچىلىق ئەنئەنىلىرىنى ئېنىقلاش، «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدە تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە تارىخىي تەتقىقات مۇقەددىمىسىنى ئېچىش، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش جەھەتتە

486-بەت

تۇنجى، ئەمما ئەھمىيەتلىك قەدەم بولدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ تەتقىقاتلار زامان جەھەتتە باشتا مەسىلىمىز كۆپرەك، ئاخىرىدا مەسىلىلەر بىر قەدەر روشەن بولۇپ بېرىشتەك كۆپ ئەگرى - توقايلىقتا داۋاملاشتى، ماكان جەھەتتە دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ دۇنيا قارىشى پەرقلىرى بۇ تەتقىقاتتا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتمەي قالمىدى.

چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بالدۇر باشلانغانلىقى، ئىلىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىغا ئىلھام بولدى. شۇنىڭدەك ئىلىمىزنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىقلا بۇ تەتقىقات ساغلام ۋە بىر قەدەر تېزراق چۇڭقۇرلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. 80 - يىللاردىن كېيىنكى ئىلىمىزنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى ئەھمىيىتى بۇ نۇقتىنى ئېنىق ئىسپاتلىدى.

3. ئىلىمىزدە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى

ھازىرغىچە رەسمىي مەتبەئەلەردە ئېلان قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئاساسلانغاندا، «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى تۇنجى تەتقىقات 50 - يىللاردىكى «ئىلىم - پەننى پىلانلاشتۇرۇش» چاقىرىقى تۈرتكىسىدە باشلانغان. 1956 - يىلى «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە 3 - سانلىرىدا مەزكۇر كىتاب ئاپتورىنىڭ «XI ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ خاتىرىسى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بېسىلىپ چىقتى.

1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، دەسلەپ شىنجاڭدا، كېيىنچە ئىچكى ئۆلكىلەردە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى جۇش ئۇرۇشقا باشلىدى. «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا

487-بەت

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1981 - يىللىق 1 - سانىغا مۇشۇ كىتاب مۇئەللىپىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ - فارابى ئىلغار ئىدىيىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئارىسى» ناملىق ماقالىسى بېسىلىپ ئارىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى تۇتاشتۇردى.

1984 - يىلى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۇيغۇرچە يەشمىسى بېرىلگەن تولۇق فاكسىمىلى نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەبرىكلەش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. 1985 - يىلى شەرقىي شىمالدىكى يەنبىيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەنجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 3 - سانلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئۆمىكى «قۇتادغۇبىلىك» تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم ئىلمىي ماقالىلەر بىلەن قاتناشتى. 1986 - يىلى مۇشۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ياپونىيەدە، تەتقىقاتچىلاردىن ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر ئامېرىكىدا «قۇتادغۇبىلىك» تېمىسىدا ئىلمىي لېكسىيىلەر ئوقۇشتى. قەشقەردە 1986 - يىلى ئاۋغۇستتا، 1989 - يىلى ئۆكتەبىردە ئايرىم - ئايرىم ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە مەملىكەتتىكى ئالاقىدار ئالىملار قاتناشتى. 1986 - يىلى ئاۋغۇستتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا چېقىۋېتىلگەن قەشقەردىكى قەبرىگاھلىقى قايتا ياساشقا ئۇل قويۇلدى، 1989 - يىلى 10 - ئايدا بۇ قەبرىگاھلىقنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايون رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئالىمنىڭ قەبرىسىگە يوپۇق ياپتى.

1986 — 1989 — يىللىرى ئارىسىدا ھەرقايسى ئىلمىي

488-بەت

ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەردىن باشقا، «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» تۆت تۈركۈم ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلدى. «قۇتادغۇبىلىك» تېما قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات پىلانلىرى تۈزۈلۈپ، دەرسلىكلەرگە بۇ ھەقتە مەخسۇس بابلار ئاجرىتىلدى. «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە فوندى تەسىس قىلىندى.

«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۇقتا قىلىنغان ھالدا، ئومۇمىي باھا ۋە خاس تېماتىك مۇھاكىمە يۆنىلىشى بويىلاپ چوڭقۇرلىشىشقا كىرىشتى. ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر (ئەسەرلەر) نىڭ مۇھىملىرى مۇنداق:

بىرىنچى، ئومۇمىي مۇھاكىمىلىك بايان بويىچە: — « «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا » ، « ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك قامۇسى — «قۇتادغۇبىلىك» » (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)؛ « «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى مۇھاكىمە ۋە بايان » ، « «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ۋە تىلى توغرىسىدا » ، « يۈسۈپ ۋە مەھمۇد داستانى » (ئەھمەد زىيائى)؛ « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى توغرىسىدا » ، « «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىنساننىڭ مەنىۋى كامالىتى مەسىلىسى » (ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر)؛ « شەرق ئويغىنىش دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك سەرەكەردىسى » (شەرىپىدىن ئۆمەر)؛ « «قۇتادغۇبىلىك» ۋە شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى » (تۇرغۇن ئالماس)؛ « «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدىكى مېتودولوگىيە مەسىلىسى » (ۋاھاپ خىۋىر)؛ « «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ھايات پەلسەپىسى توغرىسىدا » (ئابدۇرېھىم سابىت)؛ « «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىقى » (مەھمۇت زەيدى).

489-بەت

ئىككىنچى، تارىخىي مەدەنىيەت قاتلىمى بويىچە:

  • «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ۋەتەن مەدەنىيەت ئەنئەنىسى (چېن جىفۇ)؛ - «قۇتادغۇبىلىك» ۋە شەرق - غەرب مەدەنىيىتى»، «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (لاك يىك)؛ «شېئىرىي دراما «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى مەدەنىيەت ئانتروپولوگىيىسى تەتقىقاتى» (ياۋ باۋشۈن)؛ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەنئەنىۋى خۇسۇسىيەتلىرى (ئابدۇكېرىم راخمان)؛ «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ئورتاق مىراس مەسىلىسى (ئىمىنجان ئەھمىدى)؛ «قەدىمكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئىزلىرى (غەيرەتجان ئوسمان)؛ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازارى توغرىسىدا» (مۇھەممەد زۇنۇن سىدىق) .

ئۈچىنچى، پەلسەپە تېمىسى بويىچە:

  • «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ پەلسەپە قىممىتى توغرىسىدا (ۋاھاپ خوجا)؛ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ — فارابى ئىدىيىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى»، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ئىدىيىسى»، «ئېمپېدوكېل بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۆت تادۇ قارىشىدىكى ئومۇملۇق ۋە ئالاھىدىلىك توغرىسىدا» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)؛ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى تادۇ ئۇقۇمى توغرىسىدا (سەمەت خوجا)؛ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئېلاھ ناملىرى (قۇربان ۋەلى كېرورانى)؛ «قۇتادغۇبىلىك» تە ساددا ماتېرىيالىزم ۋە دىئالېكتىك ئىدىيىلەر (ھامىت سابىر)؛ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ساددا دىئالېكتىك ئىدىيە توغرىسىدا (ئىسمائىل تۆمۈر) .

تۆتىنچى، ئەخلاق ۋە مائارىپ تېمىسى بويىچە:

  • «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرى (ئامانۇللا مۇساھاجى)؛ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق قاراشلىرى (غوپۇر ئىسمائىل، لى جيېنشىڭ)؛
490-بەت

« «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مائارىپشۇناسلىق ئىدىيىسى توغرىسىدا» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ھەققىدە» ، « «قۇتادغۇبىلىك» ۋە بالىلار تەربىيىسى» (تۇرسۇن قۇربان) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» تە قەلب گۈزەللىكى ۋە تاشقى گۈزەللىك مەسىلىلىرى» (مۇھەممەد رەھىم ھاجى تۇرسۇن) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەلىم - تەربىيە تەلەپلىرى توغرىسىدا» (نۇرمۇھەممەت مۇيدىن) .

بەشىنچى، ئەدەبىيات - سەنئەت تېمىسى بويىچە :

— «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت قارىشى توغرىسىدا» (مۇھەممەت زۇنۇن) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىدىيىۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىكى» ، « «قۇتادغۇبىلىك» تىكى مەنتىقىي ۋە بەدىئىي پىكىرلەر» (ئابلەت ئۆمەر) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ بەدىئىي مېتودى توغرىسىدا» (شەرىپىدىن ئۆمەر) ؛ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (ئابدۇرېھىم تىلەشوۆ ئۆتكۈر) ؛ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شېئىرىي درامىسى» (لۇتپى) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى توغرىسىدا» (ھېممەت مەخسۇت) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» (ئابدۇرېھىم سابىت) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قەسەيدىلەر توغرىسىدا» (مەخمۇت زەيدى) .

ئالتىنچى، دۆلەت، ئىقتىساد ۋە قانۇن تېمىسى بويىچە :

— « «قۇتادغۇبىلىك» تىكى دۆلەت تەلىماتى توغرىسىدا» (مەخسۇت ئەكبەر) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» تىكى غايىۋى دۆلەت مودېلى توغرىسىدا» ، «ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندە» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) ؛ « «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قانۇن ئىدىيىسى» (سەمەت خۇبۇز) ؛ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىدىيىسىدىكى بىر قانچە مەسىلە» (ئابلىمىت رەھىم) ؛ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇنشۇناسلىق قاراشلىرى» (يۈسۈپجان ئېلى) ؛ «يۈسۈپ خاس

491-بەت

ھاجىپ ھەربىي تەدبىرلەر توغرىسىدا» (تۇرغۇن ئالماس) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› نىڭ دىپلوماتىيە ئەدەبىياتى» (يارمۇھەممەد تاھىر) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› داستانىدىكى ئىسلاھات ئەدەبىياتى» ، « يۈسۈپ خاس ھاجىپ — ئۇلۇغۋار ئىسلاھاتچى» (مەھمۇد يۈسۈپ) ؛ « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىقتىسادىي ئىدىيىسىگە دائىر مۇھاكىمە» (شېرىپ ئەمىن) .

يەتتىنچى، ئىلىم - پەن تېمىسى بويىچە:

— «ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە — بىلىم» (ئاۋۇت توختى، باۋۇدۇن توختى) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› نىڭ بىلىم قارىشى» (لىن شېك) ؛ « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرى» (ئابدۇكېرىم راخمان) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› تىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار» (مۇھەممەد ئوسمان) ؛ « يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇياش مەركەز قارىشى» (دو شىيۈەن) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› تىكى قاراخانىيلار ئاسترونومىيىسى» (ئابدۇرېھىم ھاشىم) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› تىكى ماتېماتىكىلىق بايانلار» (تۇرسۇن ئەرشىدىن) ؛ « يۈسۈپ خاس ھاجىپ پىسخولوگىيىلىك ھادىسىلەر ھەققىدە» (يارمۇھەممەت تاھىر) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەزەرىيىسى» ، « يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى» (ئىنايىتۇللا ھېلىم) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› تە تېبابەت ئىلمى مەسىلىلىرى» (روزى ھاجى) .

سەككىزىنچى، خاس تېمىلار بويىچە:

— «ئۇدغۇرمىش توغرىسىدا بەزى مۈلاھىزىلەر» ، « ‹ قۇتادغۇبىلىك› تىكى بەخت غايىسىنىڭ ئۈچ تۈۋرۈكى توغرىسىدا» (ئابلىمىت روزى) ؛ « ‹ قۇتادغۇبىلىك› ۋە مەنەۋى مەدەنىيەت» (نۇرمۇھەممەت دۆلەتى) .

ئېلىمىز « قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنىڭ تارىخى قىسقا بولۇشىغا قارىماي، بارغانسېرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياش تەتقىقاتچىلار بۇ ساھەگە تۇھپە قوشۇشقا باشلىدى؛ بارغانسېرى ئومۇميۈزلۈك

492-بەت

تەتقىقاتتىن خاس تېما ۋە خاس ئىلمىي ساھە بويىچە تەتقىق قىلغۇچى ماقالىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى؛ بۇ تەتقىقاتقا شىنجاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بارغانسېرى كۆپلەپ قىزىقىشقا باشلىدى؛ «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى بارغانسېرى «بىلىكشۇناسلىق» ئىلمىي ساھەسىنى تەشكىل قىلىشقا باشلىدى.

4 . «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدىكى مەسىلىلەر

«قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلام مەنبەلىك، كۆپ قىممەتلىك تەپەككۇر قەسرىنى تەتقىق قىلغانچە ئۇنىڭ يېڭىدىن يېڭى ئىلھامبەخش جاۋاھىراتلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. ئۇنى ھەربىر ئەۋلاد تەتقىقات سەپەرلىرى بويىچە يېڭىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىكى تىپىك كۆرۈنۈشلۈك بولغان بەزى مەسىلىلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ.

بىرىنچى، ھازىرغىچە چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى تىلشۇناسلىق، تېكىستولوگىيىلىك ياكى ئەسەرنىڭ بەدىئىي تۈزۈلمىسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان گېتتېندائى — ئېلېمېنتار باسقۇچنى چۆرىدىدى. تىل ۋە تېكىستولوگىيىلىك تەتقىقاتتىن ھالقىغان ئىلمىي تەتقىقات ئىچىدىمۇ بەزى مەسىلىلەر ساقلاندى. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى، ئىلمىي، بەدىئىي ۋە تارىخىي قىممىتىنى ئىنتايىن تۆۋەنلىتىپ، ئۇنى قانداقتۇر نوقۇل «ھاكىمىيەت دەستۇرى»، «دىنىي نەسىھەتنامە»، «ئەخلاقىي دىداكتىك داستان» ۋە ياكى «شاھنامە» نىڭ تۈركىي ۋارىيانتى، «ھاسىلە ئەدەبىيات»، «تېپىلمىسز توقۇلما» دېيىشتى. ئۇلار «قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسىنى پارس، ئەرەب ئاچقۇچلىرى بىلەن ئېچىشقا

493-بەت

تەھمىشلەندى. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «قۇتادغۇبىلىك»نى پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىدىن، بولۇپمۇ شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىن ئايرىپ ئېلىپ، نوقۇل مىللىي سەمەرە سۈپىتىدە تەتقىق قىلىشقا قىزىقىپ كەتتى.

ئىككىنچى، ئېلىمىزدە يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا ماقالىدىن ماقالا چىقىرىش، «يەشمە»نى شەرھلەپ «يېپىپ» قويۇش، بىر ماقالىنى تەكرارلاۋېرىش ئەھۋالى ساقلانغاچقا، تەتقىقاتتا تېرىڭلىك ۋە كەڭلىك جەھەتتە يېتەرلىك قانات يايالماسلىق، ئادەتتىكىدەك بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.

ئۈچىنچى، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا بۇ ئەسەرنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى، ئىدىيىۋى مەنبەلىرى، خاس ئالاھىدىلىكلىرى تەتقىقاتى ھېلىمۇ ئاجىز ھالقا. «قۇتادغۇبىلىك»نى پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخى، بىلىش تارىخىغا قويۇپ، ئۆز ئارا ۋە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتەك نوپۇزلۇق، قايىل قىلغۇچى تەتقىقات تېخى ئېلىپ بېرىلمىدى.

تۆتىنچى، «قۇتادغۇبىلىك»تەك تەخمىنەن ئون ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان كاتتا ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئىچكى كاتېگورىيە قېلىپلىرى بويىچە تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش — ئالاھىدە تەتقىقات تۈرى بولۇپ، بۇ ئەسەردىكى كاتېگورىيىلەر، ئىبارىلەر، ئوقۇملارنىڭ قىممىتىنى بايقاشتا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ جەھەتتە تېخى بىرەر ئۆلگە مەيدانغا كەلمىدى. مېنىڭچە، «قۇتادغۇبىلىك»نى بۈگۈنكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات ۋە ئېڭى يېڭىلاش ئەمەلىيىتىگە قويۇپمۇ تەتقىق قىلىش مۇمكىن. بۇنداقتا «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئەمەلىي قىممىتى تېخىمۇ زور بولغان بولاتتى.

«قۇتادغۇبىلىك» ھەقىقەتەن غايەت زور خەزىنە. ئۇ تارىخنىڭ ئىلگىرىلىشى قەدىمىگە ئەگىشىپ ئۆز جاۋاھىراتلىرىنى كېڭەيتىدۇ ۋە بۇ جاۋاھىراتلار تارىخىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشىدۇ.

494-بەت

ئىزاھلار:

[1] كوشان بوددا مەدەنىيىتى كوشان خانلىقى، بولۇپمۇ كانىشكا (78 — 123) دەۋرىدە گۈللەنگەن بوددا مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. بوددىزم كوشان خانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ خەلقئارا دىنغا، بوددا سەنئىتى خەلقئارا تەسىرلىك سەنئەتكە ئايلانغان. بامىيان، قەندىھار، كۇسەن (كۇچا) بوددا تاش كېمىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. بۇ خىل مەدەنىيەتكە كوشان — كۇسەن بوددا سەنئىتى ۋەكىللىك قىلىدۇ.

[2] سومېر، سىملىيان، سىكتائى، ساكلار — مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى ئارى ئىنسان تۈركۈمىدىكى خەلقلەر. سومېرلار مىلادىيدىن 3 مىڭ يىل ئىلگىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇقەددەم مېسوپوتامىيىگە يۆتكەلگەن. سىملىيان — سىكىف (سىكتائى) قەبىلىلىرى مىلادىيدىن بۇرۇنقى VIII — VI ئەسىرلەردە شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا ئاتلىق كېزىپ يۈرگەن. ساكلار — سىكتائىلارنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بولۇپ، كېيىنچە تۇران ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئاساسىي مەنبە بولۇپ قالغان.

[3] ئىبىن مۇقەففا (724 — 750) ئىرانلىق مەشھۇر ھىندى تىلى تەرجىمىشۇناسى، ئالىمى ۋە يازغۇچىسى، «كەلىلە ۋە دەمنە»، «شاھلار كىتابى»، «ئايننامە» نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان. ھۇنەيىن ئىبىن ئىسھاق (810 — 878) كۆپلەنگەن گرېك ئەسەرلىرىنىڭ سۈرىيە تىلىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىشىدا غايەت زور خىزمەت كۆرسەتكەن تەرجىمىشۇناس.

[4] ئەلفەرغانى IX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە تونۇلغان ئەرەب دۇنياسىدىكى پەرغانىلىق ئاسترونوم، ماتېماتىك. مۇھەممەد ئىبىن قەسەر ئەلفەرغانى مەئمۇن «بەيتۇلھېكمە»

495-بەت

ئاكادېمىيىسىدە، كېيىنچە مىسىردا نىل دەرياسى بويىدا ئۆلچەش پائالىيەتلىرىدە بولغان. ئۇنىڭ «ساماۋى ھەرىكەت ۋە ئىلمى نۇجۇم» ناملىق كىتابى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ياۋروپاغا تارقالغان.

[5] ئەررازى — ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زاكارىيە ئەررازى (864 — 925) مەشھۇر خىمىك ۋە تېببىيۇنشۇناس. ئۇ «كىتابۇل ئەسرار»، «كىتابۇل تىب ئەلمەنسۇر»، «ئەلھاۋى» قاتارلىق مۇھىم كىتابلار يازغان. ئۇ مەنسۇر ئىبنى ئىسھاق زامانىدا بۇخاراغا كېلىپ قايتقان ۋە «ئەلمەنسۇر» ناملىق كىتابنى يازغان.

[6] ئەلقىندى (800 — 879) ئەرەبلەردىن چىققان تۇنجى ئارىستوتېل تەتقىقاتچىسى، كۆرۈنەرلىك پەيلاسوپ.

[7] ناسىر خۇسراۋ (1003 — 1093) خوراسانلىق ئاتاقلىق مۇتەپەككۇر، فارابى ۋە ئىبنى سىنا تەلىماتلىرىنىڭ ۋارىسى، «جامىئۇل ھىكمەتەيىن»، «سائادەتنامە»، «رۇشنائىنامە» قاتارلىق پەلسەپىۋى داستانلارنىڭ مۇئەللىپى.

[8] ئەبۇل ھەسەن بەننى ئەھمەد تۇنسۇرى بىلەن مانۇ چېخرى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى زامانىدىكى ئاتاقلىق پارس شائىرلىرى.

[9] جون . سۋېلسكى، گېراد كېرمونسكى XII ئەسىردىكى لاتىن تىلى تەرجىمانلىرى، ئۇلار فارابى، ئىبنى سىنا ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان.

[10] جوردانو برونو (1548 — 1600) مەشھۇر ئىتالىيە پەيلاسوپى، «سەۋەب، ماھىيەت ۋە بىرلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى. ئۇ كوپېرنىك تەلىماتى بويىچە ئالەم چەكسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەنلىكى ئۈچۈن دىنى سوت تەرىپىدىن رىمدا ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.

[11] غەززالى (1059 — 1111) ئىسلامىيەتنىڭ ئاتاقلىق

496-بەت

دىنىي روھانىيەتچى مۇتەپەككۇرى، ئىلاھىيەتشۇناس غەززالى تەبىئەت پەنلىرى، تەبىئەت پەلسەپىسى، فارابى ۋە ئىبنى سىنا تەلىماتلىرىغا قاتتىق ئۆچمەنلىك بىلدۈرگەن.

[12] «چىن ۋە ماچىن» ئىبارىسى «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن باشلاپ تۈركىي (ھەتتا پارسىي) ئەدەبىياتتا كەڭ مەجازى توپونومىيىلىك نام سۈپىتىدە قوللىنىلدى. «قۇتادغۇبىلىك»تەكى «چىن ۋە ماچىن ئالىم ۋە ھۆكۈمالىرى شۇنداق قارارغا كەلدىكى، مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۈركىستان ئەللىرىدە، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا ھېچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق» دېگەن سۆزدىكى «چىن ۋە ماچىن ئالىم ۋە ھۆكۈمالىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن «مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۈركىستان ئەللىرىدە، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا» دېگەن ئىبارىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، «چىن ۋە ماچىن» ئىبارىسىنىڭ «قەدىم» ئىبارىسىدىن پەرقىلىق تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، «چىن ۋە ماچىن ئالىم ۋە ھۆكۈمالىرى» ھېچقاچان «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ بۇ ھەقتە باھا يۈرگۈزۈۋاتقان لياۋ ياكى سۇڭ سۇلالىسى ئالىم - ھۆكۈمالىرى ئەمەسلىكىنى تەبىئىي ھېس قىلىمىز.

[13] ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەر ھاكىمىيەتلىرىدە ياكى چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى باشقۇرغان تېررىتورىيەلەردە كەڭ قوللىنىلىشىنى تۈركولوگلار «ئۇيغۇرىزم ھادىسىسى» دەپ ئاتاشقان.

497-بەت

خاتىمە

«ئېغىرلىق ئۆزىندىن غەمسىز سەلب كەلسە ھەيرات تاغى، يېنىكلىك ئۆجىمدىن بەربات ھامان ساماننىڭ ياپرىغى.» — ئەلىشىر نەۋائى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەن ۋە شۇنىڭدەك جاھان تەپەككۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان نادىر تۆھپىسى «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەردىن تۆۋەندىكىچە ئىخچام يەكۈن چىقىرىش مۇمكىن:

«قۇتادغۇبىلىك» ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى تەپەككۇر ۋە تىل تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخى نامايەندىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بىباھا مىراس بولۇپ، ھەرگىزمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر مەھەللىك قىزىقىشى ياكى مۇئەللىپنىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى. مۇشۇ دەۋردە، پەقەت مۇشۇ دەۋردىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن مىللەتنىڭ ئەقلى ئۆتمۈشنى خۇلاسىلەش، قوبۇل قىلىنغان يېڭىلىقلارنى ھەزىم قىلىش، جۇغلانمىلارغا ئەقىل - پاراسەت، بىلىم ۋە ئەخلاق نۇقتىسىنەزىرىدىن بىر قەدەر ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىش، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ۋە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى مەدەنىيەت مەشئەلچىلىك تارىخىي رولىنى ھېس قىلىش، ئەرەب ۋە ئىران ھاكىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ تىل - ئەدەبىياتىتكى

498-بەت

تۆستۈنلۈكىگە تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرىيەتلىرىنى چۈشىنىش پەلىسىگە يەتكەنىدى. مانا مۇشۇنداق تارىخىي تەقەززا «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ئۇنىڭ ھۆرمەتلىك مۇئەللىپىنى ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مەيدانىغا ئېلىپ كىرگەنىدى. نەزەرىيىۋى تەپەككۇر دەستۇرى بولغان «قۇتادغۇبىلىك» قاراخانىيلارنىڭ ئەينى زاماندىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە غايەت زور مۇمكىنلىك بېغىشلىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم.

«قۇتادغۇبىلىك» نوقۇل ئەدەپ - ئەخلاق توغرىسىدىكى ئۆز - نەسىھەت خاراكتېرلىك دىداكتىك ئەسەر ئەمەس. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا دۇنياغا كەلگەن، ئەڭ ياخشى ۋە ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەدىئىي دراماتىك ۋە شېئىرىي ئىپادىلىنىش شەكلىدە يارىتىلغان پەلسەپەۋى قامۇس. ئۇ گەرچە بىلىم ۋە ئادالەت بىلەن دۆلەت باشقۇرۇپ، خەلققە بەخت - سائادەت يارىتىپ بېرىش توغرىسىدىكى سىياسىي مەقسەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولسىمۇ، بۇ خىل مۇھىم ئىدىئولوگىيەنى تەبىئەت پەلسەپىسى، بىلىش نەزەرىيىسى، بەخت - سائادەت كۆز قارىشى ۋە ئىلىم - پەن تەلىماتلىرى بىلەن ئاساسلىغان، يورۇتقان. بۇ كلاسسىك تەپەككۇر ئەدەبىياتتىكى ئورتاقلىق بولۇپ، ئەينى زاماندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇردا ئۈستۈن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» تارىخىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن تەبىئەت پەلسەپىسى جەھەتتە ئالەمنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ھېسابلانغان تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى يەنە ئالەمنىڭ مەنبەسى ئۆزلۈكسىز ھەرىكەت ۋە يېڭىلىنىشتا تۇرىدىغان تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوتتىن ئىبارەت تۆت زات ئىكەنلىكىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ مۇھاكىمە قىلغان. «قۇتادغۇبىلىك» تەبىئەتنىڭ گارمونىك بىر

499-بەت

تەركىبىي قىسمى ھېسابلانغان ئىنسان مەسىلىسىدە كېيىنكى ئەسىرلەردىكى ئانتروپولوگىزمىلىق (ئىنسان تەبىئەتلىك) كۆز قاراشلارغا يانداشقانلىقى بىلەن خاراكتېرلىكتۇر.

«قۇتادغۇبىلىك»تە بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە قىممەتلىك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «قۇتادغۇبىلىك»تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىلىشتىن مەقسەت — قىلىش، ھەقىقەتنى بىلمەكتىن مەقسەت — سائادەتلىك بېغىشلىغۇچى ياخشى (گۈزەل) پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت دېگەن ئىدىيە ئەينى زاماندا تەڭداشسىز پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە بولغان.

«قۇتادغۇبىلىك»تە سىياسىي — ئىجتىمائىي مەسىلىلەر پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئىزاهلانغان. ئۇنىڭدا دۆلەت، خەلق، دۆلەت باشلىقى (پادىشاھ، ئېلىگ) ۋە بەگ — ئەمەلدارلار توغرىسىدىكى، بولۇپمۇ ئادالەتلىك، خەلقپەرۋەر، مۇستەقىل ۋە كېسكىن قانۇن توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدىكى ئۇلۇغۋار ئىنسانپەرۋەر قانۇنشۇناس مۇتەپەككۇر سالاھىيىتىنى نامايان قىلدى. «قۇتادغۇبىلىك» ھەقىقەتەن «شەرقىي غايىۋى دۆلەت» مودېلىنى تىكلىگەن دەستۇردۇر.

ماركىس بىلەن ئېنگېلس «نېمىس ئىدېئولوگىيىسى» ناملىق كىتابىدا: «دەرىجە تۈزۈمى فېئودالىزملىق تۈزۈمنىڭ غايىۋى شەكلى» دېگەن ئىدى.

«قۇتادغۇبىلىك»تە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ھۆكۈمرانلىقنى قانۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكى، ئەمگەككە قاراپ ھەق بېرىش ۋە نامرات، ئوتتۇرا ھاللىق ئاھالىنى بېيىتىش ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىي چېكىلىملىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ چىقىپ، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى ھارپىسىدىكى قانۇنشۇناسلىق كۆز قاراشلارغا

500-بەت

يانداشقانلىقنى نەزەر ئېتىبارىدىن يىراقلاشتۇرماسلىق لازىم. «قۇتادغۇبىلىك» بىلىم ۋە ئەخلاق، دانىشمەنلىك ۋە پەزىلەتلىك تۇغما بولىدۇ دەيدىغان غەيرىيىلىك (ئاپىرىئورىزمىلىق) كۆز قاراشلىرىغا زىت ھالدا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئەقىللىق — گۈزەل، بىلىم — قۇدرەت دەيدىغان قاراشلىرى بىلەن قانائەت ۋە ئۆزىنى تىزگىنلەش تەشەببۇسلىرىمۇ ئالاھىدە ئورگىناللىققا ئىگە.

«قۇتادغۇبىلىك» مۇكەممەل ماتېرىيالىزملىق «جاھاننامە» ئەمەس. ئۇ پەلسەپە، ئىجتىمائىي تەنقىدىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم بىر دەستۇر. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى ئاتېئىست ئەمەس. ئۇ پەقەت، بىلىش تارىخىدىكى تەرەققىيپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر بۈيۈك مۇتەپەككۇر، خالاس.

ئېنگېلس مۇنداق دەيدۇ: «بىلىش لازىمكى، ھەرگىزمۇ ئىككى مىڭ يىللىق پۈتكۈل تەنقىدىي مەزمۇننى بىر قەلەم بىلەن سىزىپ تاشلاپ، ئىشنى پۈتۈن قىلىۋەتمەستىن، ئۇنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى، خاتا بولسىمۇ، يەنى زامان تارىخىنىڭ تەرەققىيات شارائىتىدا خالىي بولغىلى بولمايدىغان ئىدېئاللىستىك شەكىلدىن — بۇ خىل ۋاقىتلىق شەكىلدىن قىممەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا ئېلىش كېرەك.» ①

لېنىن مۇنداق دەيدۇ: «قوپال، ئاددىي، مېتافىزىكىلىق ماتېرىيالىزملىق قاراشقا ئاساسلانغاندا، پەلسەپىۋى ئىدېئالىزم جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ. دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق قاراشقا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ ئەكسىچە، پەلسەپىۋى ئىدېئالىزم بىلىشنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكىنى،

501-بەت

تەرەپلىرىنى، قىسمىنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن مۇبالىغىلىشتۇرۇپ (كۆپتۈرۈپ، كېڭەيتىپ)، ئونى ماددىدىن، تەبىئەتتىن ئايرىپ، مۇقەددەس مۇتلەق قىلىپ قويغان»① ، «تارىخىي تۆھپىلىرىگە ھۆكۈم قىلغاندا، تارىختىكى ئەربابلارنىڭ زامانىمىز تەلەپ قىلىۋاتقان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە نىسبەتەن يېڭى نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئاساسلىنىش كېرەك.»②

«قۇتادغۇبىلىك» ئېلىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى سەرخىل گۆھەر، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قاتار ئۆلمەس ئىدىيىلەر بۈگۈنكى كۈندە ساغلام ۋە گۈزەل مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىمىزدا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە ھەر خىل تىلدا نەشر قىلىنىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىنى يايدى. بۇ «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى چوقۇم يېڭى كېڭەيلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا يەتكۈزۈپ. «قۇتادغۇبىلىك» يىپەك يولى گۈللۈكىدىن نەزىرىمىزنىڭ خۇشبۇي گۈلى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغۇسى.

1982 — 1993 - يىللار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

① لېنىن: «پەلسەپىدىن خاتىرىلەر»، 1956 - يىل خەلق نەشرىياتى نەشرى، 364 - بەت. ② لېنىن: «ئەسەرلەر»، 1955 - يىل خەلق نەشرىياتى نەشرى، II توم، 150 - بەت.

502-بەت

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى

A . يېتەكچى ئەدەبىياتلار

  1. ك. ماركس: «مۇقەددەس ئائىلە» .
  2. ك. ماركس: «پەلسەپە نامراتلىقى» .
  3. ك. ماركس: «نېمىس — فرانسۇز مەجمۇئەسى ھەققىدىكى خەت — چېكەلەر» .
  4. ك. ماركس: «گېگېل ھوقۇق پەلسەپىسىگە تەنقىد» .
  5. ف. ئېنگېلس: «ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ماقالىلەر توپلىمى» .
  6. ف. ئېنگېلس: «تەبىئەت دىئالېكتىكىسى» .
  7. ف. ئېنگېلس: «ديورىڭغا قارشى» .
  8. ف. ئېنگېلس: «گېرمانىيىدە دېھقانلار ئۇرۇشى» .
  9. ۋ. ئى. لېنىن: «ماركسىزمنىڭ ئۈچ مەنبەسى ۋە ئۈچ تەركىبىي قىسمى» .
  10. ۋ. ئى. لېنىن: «ئىككى ئۇتوپىيە توغرىسىدا» .
  11. ۋ. ئى. لېنىن: «پەلسەپە خاتىرىلىرى» .
  12. ماۋ زېدۇڭ: «يېڭى دېموكراتىزم ھەققىدە» .

B . ئاساسىي ئەدەبىياتلار

  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» ، شىنجاڭ
503-بەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرگە تەييارلىغان، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىللىق ئۇيغۇرچە نەشرى.

  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986 - يىللىق خەنزۇچە نەشرى.

  2. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك»، قەييۇم كەرىموف ئىشلىگەن، تاشكەنت «پەن» نەشرىياتى، 1972 - يىللىق ئۆزبېكچە نەشرى.

  3. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك»، نائۇماگېربىنوۋا تەرجىمە قىلغان. موسكۋا بەدىئىي ئەدەبىيات نەشرىياتى، 1971 - يىللىق رۇسچە نەشرى.

  4. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك»، رەشىد رەھمەتى ئارات ئىشلىگەن. 1 - مەتىن، ئىستانبۇل. 1947 - يىل، 2 - تەرجىمە، ئەنقەرە، 1959 - يىل.

  5. مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

  6. مەھمۇد قەشقەرى: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، تاشكەنت، 1960 -، 1961 -، 1963 - يىل، ئۆزبېكچە نەشرى.

  7. ئەھمەد يۈكنەكى: «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1981 - يىل نەشرى.

  8. فارابى: «ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي رىسالىلەر»، ئالما - ئاتا، 1975 - يىل، رۇسچە، قازاقچە نەشرى.

  9. ئىبنى سىنا: «ئەلقانۇن فىت تىب»، 1954 - يىل، تاشكەنت، ئۆزبېكچە نەشرى.

  10. ئىبنى سىنا: «تېببىي داستان»، ئۆزبېكچە نەشرى.

  11. «تۇرپان تېكىستلىرى»، قەدىمىي ئەسەرلەر نەشرىياتى نەشرى، 1 -، 2 - كىتاب.

504-بەت
  1. «ئورخۇن ئابىدىلىرى»، غ. ئابدۇراخمانوف، ئا. رۇستەموف: «قەدىمكى تۈركىي تىل»، 1982 - يىل تاشكەنت نەشرى، «تېكىستلەر» قىسمى.
  2. «ئورخۇن - يەنىسەي تېكىستلىرى»، 1982 - يىل فرۇنزا «ئىلىم» نەشرىياتى نەشر قىلغان.
  3. رابغۇزى: «قيسسەسۇل ئەنبىيا»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988 - يىل نەشرى.
  4. شەرەپىددىن ئەلى يەزدى: «زەپەرنامە»، ئا. ئورۇنبايوف تەييارلىغان، 1972 - يىل تاشكەنت نەشرى.
  5. فېردەۋسى: «شاھنامە»، تاشكەنت، ئۈچ توملۇق نۇسخا، 1975 - يىللىق ئۆزبېكچە نەشرى.
  6. «سۈڭ سۇلالىسى تارىخى».
  7. «سۈڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى».
  8. «كىتاب مۇئەسسەسەسىنىڭ ئەسلى پۈتۈكلىرى».
  9. دۆلەتشاھ سەمەرقەندى: «تەزكىرە تۈششۇئارا»، 1981 - يىل تاشكەنت نەشرى.
  10. نەۋائىي: «مەھبۇبۇلقۇلۇب»، «نەۋائىي تولۇق ئەسەرلىرى»، XIII توم، 1966 - يىل تاشكەنت نەشرى.
  11. كەيكاۋۇس: «قابۇسنامە» 1973 - يىل تاشكەنت تولۇق نەشرى، 1983 - يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قىسقارتىلغان نەشرى.

C. قوشۇمچە ماتېرىياللار

  1. گېگېل: «ھوقۇق پەلسەپىسى قائىدىلىرى»، سودا نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى.
  2. س. ئى. مالوف: «قەدىمكى تۈرك يازمىلىرىنىڭ
505-بەت

خاتىرىسى» ، موسكۋا - لېنىنگراد، 1951 - يىل نەشرى .

  1. ئۆ. ئا. ئابدۇللايوف: «ئۆزبېك ئەدەبىيات تارىخى» ، I — III توم، 1965 — 1980 - يىللار، تاشكەنت نەشرى.

  2. ۋ. ۋ. بارتولد: «ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى» ، 1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى.

  3. ۋ. ۋ. بارتولد: «تۈركىستان مەدەنىي ھاياتىنىڭ تارىخى» ، «بارتولد ئەسەرلىرى» ، II توم، 1963 - يىل موسكۋا نەشرى.

  4. ن. ئا. باسقاقوف: «ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ راۋاجلىنىشىدا قاراخانىيلار دۆلىتى ئۇيغۇر - قارلۇق ئەدەبىي تىلىنىڭ رولى» ، «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ژۇرنىلى، 1970 - يىل 4 - سان.

  5. بېرتېلىمس: «ئۇيغۇر پوئېمىسى < قۇتادغۇبىلىك > ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ، «شەرق ھەقىقىتى» ، 1944 - يىل، 1 - ، 2 - سانلار.

  6. بېرتېلىمس: «سوپىزم ۋە سوپىزم ئەدەبىياتى» ، 1965 - يىل، موسكۋا نەشرى.

  7. ئە. ر. تېنىشېف: «قۇتادغۇبىلىك ۋە ئالتۇن يارۇغ» ، «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ژۇرنىلى، 1970 - يىل 4 - سان.

  8. س. گ. كلياشتۇرى: « < قۇتادغۇبىلىك > نىڭ دەۋرى» ، «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ژۇرنىلى، 1970 - يىل 4 - سان.

  9. ئا. ئا. ۋالېتوۋا: «يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە ئۇنىڭ < قۇتادغۇبىلىك > ئى» ، موسكۋا 1951 - يىل رۇسچە نەشرى.

  10. ئا. ئا. ۋالېتوۋا: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ

506-بەت

مىراسلىرى» ، «يىراق شەرق مەسىلىلىرى» ژۇرنىلى، 1976 – يىل 4 – سان.

  1. بۈگۈل. نويىس: «يىپەك يولى» ، 1982 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى.

  2. جاڭ شىنلياڭ: «جۇڭگو – غەرب ئالاقە تارىخى» ، 1927 – يىل خەنزۇچە نەشرى.

  3. شەرىپوۋ: «ئەبۇ رەيھان بىرۇنى» ، «شەرق خەلقلىرى پەلسەپە مىراسلىرىدىن» ، 1972 – يىل، تاشكەنت رۇسچە نەشرى.

  4. خانىدا ئاكىرا: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتى» ، جاۋچى 57 – يىل، توكىيو نەشرى.

  5. خانىدا تورو: «غەربىي دىيار مەدەنىيەت تارىخى» ، 1985 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.

  6. ل. كىلىموۋىچ: «سوۋېت شەرق ئەدەبىيات تارىخى» ، 1958 – يىل، موسكۋا رۇسچە نەشرى.

  7. ئې. ئۆ. ستېبلىۋا: « « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ شېئىرىيىتى» ، «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ژۇرنىلى، 1970 – يىل 4 – سان.

  8. م. م. خەيرۇللايوف: «ئويغىنىش دەۋرى ۋە شەرق مۇتەپەككۇرى» ، 1971 – يىل تاشكەنت نەشرى.

  9. م. م. خەيرۇللايوف: «فارابى دەۋرى ۋە تەلىماتى» ، 1975 – يىل تاشكەنت نەشرى.

  10. م. م. خەيرۇللايوف: «ئەبۇ نەسىر ئەلفارابى» ، 1982 – يىل موسكۋا نەشرى.

  11. م. م. خەيرۇللايوف: «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىي ئۇتوپىيىلىك ئىدىيىلىرى» ، 1983 – يىل تاشكەنت نەشرى.

  12. مۆرات ھەمرايوف: «ئەسىرلەرنىڭ ئۇنتۇلماس

507-بەت

سادالىرى » ، 1969 - يىل ئالما - ئاتا نەشرى .

60 . ئا . ئېرسۇف : « خارەزمى ۋە فارابى » ، 1961 - يىل تاشكەنت نەشرى .

61 . ئا . ئېرسۇف : « ئىبىن سىنا ھاياتى ۋە ئىجادى مىراسلىرى » ، 1980 - يىل تاشكەنت نەشرى .

62 . قەييۇم كەرىموف : « ئۆزبەك بەدىئىي داستان » ، 1976 - يىل ، تاشكەنت نەشرى .

63 . رەشىد رەھمەتى ئارات : « قۇتادغۇبىلىك ، كۆ مۇقەددىمە » ، 1959 - يىل ئەنقەرە نەشرى .

64 . ل . ن . گۇمىلېف : « قەدىمكى تۈركلەر » ، 1967 - يىل موسكۋا نەشرى .

65 . ئەھمەد زەكى ۋەلىدى : « تۈرك ۋە تاتار تارىخى » ، 1912 - يىل قازان نەشرى .

66 . « قاراخانىيلار دەۋرىدىكى قىرغىزىيە » ، 1983 - يىل فرۇنزا نەشرى .

67 . د . ئا . تىخونوف : « X — XIV ئەسىر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈملىرى » ، 1966 - يىل موسكۋا - لېنىنگراد نەشرى .

68 . « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 - يىل نەشرى .

69 . « چەت ئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە » ، « شىنجاڭ <قۇتادغۇبىلىك> جەمئىيىتى » تۈزۈپ باستۇرغان ، 1989 - يىل ئۈرۈمچى (خەنزۇچىسى 1994 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) نەشرى .

70 . خوجا ئەھمەد سەيىدۋاققاسوف تەھرىرلىكىدىكى « ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى » ، ئالما - ئاتا 1983 - يىل نەشرى .

508-بەت
  1. «قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى» ، 1984 - يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى .

  2. ئۆ. م. نادىليايېف قاتارلىقلار مۇھەررىرلىكىدىكى «قەدىمكى تۈركىي سۆزلۈك» ، 1969 - يىل لېنىنگراد رۇسچە نەشرى .

  3. «تارىخىي مىراس (قۇتادغۇبىلىك) تەتقىقاتى» (ماقالىلار توپلىمى ، 1 — 4 — كىتاب) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 — 1988 — يىللار .

  4. ۋېي لياڭتاۋ: «قاراخانىيلار تارىخى ئوچېركى» ، 1986 — يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى .

  5. ۋاك جىيېي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى» ، 1980 — يىل ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەن نەشرىياتى .

  6. ۋىليام مىگوۋېرن: «ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى دۆلەتلىرى تارىخى» ، خەنزۇچە نەشرى .

  7. بېرنارد لېۋىس: «تارىختىكى ئەرەبلەر» ، 1979 — يىل خەنزۇچە نەشرى .

  8. ئىبىن بەتتۇتە: «ساياھەتنامە» ، 1985 — يىل ، نىڭشىيا خەلق نەشرىياتى نەشرى .

  9. ئا. گ. ماليائۇكىن: « IX — XII ئەسىر ئۇيغۇر دۆلىتى» ، يېڭى سىبىرسك ، 1983 — يىل رۇسچە نەشرى .

  10. جۇماغۇلوف: «قىرغىزىستاندا قەبرە خەتلىرى» ، 1 — 2 — كىتاب ، فرۇنزا ، 1982 — يىل رۇسچە نەشرى .

509-بەت

تېماتىك كۆرسەتكۈچ

(بېيىت نومۇرى بويىچە)

— تۆت زات: 60، 143، 144، 145، 3212، 3725، 3726 — تۆت زاتنىڭ تۆت خۇسۇسىيىتى: 1053، 3579، 4631، 4632، 4633 — تۆت مىزاج: 5866، 5867، 5868، 6006، 6007، 6008، 6009، 6010، 6014 — تۆت پەسىل: 142، 4620، 4621، 4622، 4623، 4624، 4625، 4626، 4627، 4628، 4629 — مەڭگۈ يۇلتۇزلار: 833، 834، 1049، 1050، 1086، 1087 — ساماۋى ھەرىكەت: 126، 731، 734، 743، 744 — زىددىيەت ۋە ھەرىكەت: 144، 145، 696 — بەخت ۋە ئاپەت زىددىيىتى: 2938، 3548، 3549، 3550، 4918، 4926 — يول قويۇلمايدىغان زىددىيەت ۋە يول قويۇلمايدىغان زىددىيەت: 4225، 4226، 4227، 4228 — بىقارارلىق، تۇرغۇنسىزلىق: 399، 400، 401، 402، 403، 404 — ماكان ۋە زامان: 19، 1211، 1213، 2523

510-بەت

| يېڭى شەيئى | 686، 687، 688، 689 | | چېكىسىزلىك | 10 | | تەپەككۇرنىڭ ئېپتىدا ۋە ئىنتىھاسىزلىقى | 8 | | تەپەككۇرنىڭ روھى ئىقتىدارسىزلىقى | 17، 28 | | ھەممە شەيئىنىڭ تەپەككۇرنىڭ سۈرىتى ئىكەنلىكى | 20 | | تەقدىرچىلىك | 1279، 1485، 1742، 1801 | | بەدەننىڭ مەركىزى كۆڭۈل ئىكەنلىكى | 2472، 2795، 2797، 2798، 3856 | | ئۆلۈمنىڭ قانۇنىيەتلىكى، مۇقەررەرلىكى | 180، 231، 233، 234، 235، 692، 693، 237، 1066، 1086، 1134، 1138، 1140، 1201، 1238، 1465، 1540، 1545، 6344 | | ئۆلۈم ئالدىدا ھەممىنىڭ باراۋەرلىكى | 3617، 4724 | | مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن خالىي قالىمىغانلىقى | 4713، 4714، 4715، 4716، 4717، 4718، 6547، 6548، 6549، 6550، 6551، 6552 | | ئۆلگەن بەدەننىڭ تۈزۈپ ئەسلىگە كەلمەسلىكى | 1839، 5416، 6065، 6146، 6298 | | ئوتتۇرا ھال ئۆلچەمدە ئىش كۆرۈش | 2090، 3671، 3674، 4904، 4985 | | زىددىيەت بىرلىكى | 434 | | ئەقىل ۋە ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقلىرى | 147، 297، 1843، 2454، 2646 | | ئەقىل — پاراسەتنىڭ تۇغمىلىقى | 159، 160، 161، 109، 224، 225، 228، 278، 289، 310، 314، 317، 327، 334، 470، 472، 585، 1819، 1820، 1825، 2790 |

511-بەت

| — بالىدا بىلىم يوق، ئەقىل بولىدىغانلىقى | 293 | | — ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ پەرقى | 155، 1816، 1818، 1823، 1825، 1841، 1842، 2626، 6430 | | — تۇغۇلغاندا دانىشمەن (بىلىملىك) بولماسلىق | 1826، 1827، 1828 | | — بىلىمنىڭ بىلىمسىزلىك كېسىلىگە داۋالىقى | 156، 157، 158، 1048 | | — بىلىمنىڭ چىراغ — مەشئەلىكى | 1840، 1861، 1870 | | — بىلىمنىڭ قۇلنى شاھ قىلىشى | 152، 154، 155، 300 | | — بىلىمنىڭ مەنپەئەتدارلىقى | 1870، 2454، 2750، 5478 | | — كۆرۈش سەزگۈسى | 1893، 1897، 1898، 1899، 1991 | | — قۇلاق (ئاڭلاش) سەزگۈسى | 1016 | | — ئىرادە — غەيرەت | 283، 284 | | — باش مېڭە | 1836 | | — پىكىر | 632، 633 | | — تىل پىكىرنىڭ تەرجىمانى | 162، 185، 214، 274، 311، 312، 1023 | | — تىل ۋە تەپەككۇر | 1678، 1679، 1680، 1681، 1683 | | — توغرا ئىپادىلەش | 1024 | | — تىلنىڭ توغرىلىقى | 210 | | — ئەقىل بىلەن سۆزلەش | 170، 178، 193، 209، 971، 992، 993، 994، 2521، 4552 | | — مۇلاھىزە ۋە ئېنىقلاپ بىلىش | 5873، 5877، 5887 |

512-بەت

— ھەرىكەتكە قاراش: 4287 — سىناپ كۆرۈش: 636، 1336 — ئۆچىنچىنى مۇستەھسەن قىلماق: 267، 2317، 3218 — سۆز - ھەرىكەتنىڭ بىردەكلىكى: 338، 862، 863، 865، 1745، 5887 — بىلىش ۋە قىلىش، بىلىم ۋە ئىشلىتىش: 181، 183، 211، 212، 213، 215، 2605، 2606، 3220، 4278 — ئادەمنىڭ خاتالىشىدىغانلىقى: 197، 198 — ياخشى سۆزنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىشى: 180، 182، 272، 274، 1469 — ياخشى سۆز ئۆرلەتتۈرىدىغانلىقى، يامان سۆز چۈشۈرۈدىغانلىقى: 163، 164، 167، 173، 176، 966، 984، 991، 1002، 1003، 1311، 2692، 3880 — كەم سۆزلۈك ۋە كۆپ سۆزلەش: 171، 172، 964، 965، 967، 970، 977، 1016، 1025، 1312، 1914، 1915، 1916، 2687، 2688، 4332، 4335، 4552 — يالغان سۆزلەش: 848، 1326، 1668، 1671، 2037، 2039، 2508، 4297، 4300، 5074، 5878، 5887، 6094 — شەرىئەت ۋە شېئىر: 2631، 4392، 4395، 4396 — يېزىق ۋە چەت تىل: 2223، 2636، 2695، 2702، 2707 — بىلىم — پەن ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتلىكى: 208، 209، 211، 212، 265، 268، 302، 4346، 4347، 5253 — بىلىم — پەننىڭ دىنىي ئىستىقامەتتىن ئۈستۈنلۈكى: 324، 3221، 3224، 3225، 3249، 3251

513-بەت

— ئالىملار، شائىرلارغا بولغان مۇئامىلە: 4341، 4353، 6615

— ماتېماتىكا پەنلىرى توغرىسىدا: 2221، 2633، 2782، 2783، 2784، 4378، 4379، 4380، 4381، 4382

— ئاسترونومىيە توغرىسىدا: 125، 126، 127، 128، 131، 132، 133، 134، 135، 136، 137، 138، 139، 140، 141، 142، 143، 144، 145، 146، 2221، 2632، 3194، 4386، 4888، 4889، 6219، 6220، 6221

— تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك توغرىسىدا: 1053، 1055، 1058، 1060، 1064، 1065، 2887، 2888، 2893، 2894، 2895، 4355، 4356، 4357، 4358، 4359، 4362، 4364، 4365، 4642، 4643

— ئىككى دۇنيا توغرىسىدا: 1147، 1294، 1432، 1659، 1663، 1973، 3658، 3659

— مۇشۇ رېئال دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشلىرى: 3249، 3250، 3251، 3368، 3371، 3407، 3425، 3437، 3443، 3450، 3500، 3505، 3646، 3649، 3665، 3666

— زاھىت — سوپىزم قاراشلىرى: 3341، 3344، 3380، 3386، 3394، 3520، 3521، 3522، 3525، 3540، 3586، 3793، 4739، 4839، 5189

— زاھىتلىقنى ئەيىبلەپ مۇنازىرىلىشىش: 3417، 3419، 3441، 3443، 3452، 3851

— مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك: 147، 414، 496، 543، 1636، 4252، 5787، 5788

— كىتاب تېمىسى ۋە ئۇنى يېزىشنىڭ

514-بەت

ئىجتىمائىي سەۋىيىلىرى: 358، 6462، 6463، 6464 تىن باشلاپ 6499 غىچە

– دۆلەتنىڭ ئۇل – ئاساسلىرى: 2132، 2133، 2134، 2714، 2715، 2716، 5462، 5463، 5478

– خاقاننىڭ خەلققە مەجبۇرىيەتلىرى: 5574، 5576، 5577

– خەلقنىڭ خاقانغا مەجبۇرىيەتلىرى: 5579، 5580، 5581، 5582، 5583

– ناچار خاقان: 249، 653، 654، 780، 784، 4096، 4099

– پەيلاسوپ خاقان: 2717

– ياراملىق خاقان: 455، 457، 461، 890، 891، 894، 895، 1411، 1412، 1785، 1789، 2012، 3266، 3268، 4013، 5084، 5200، 5201، 5902، 5903، 5904، 5906

– نەسەب كۆز قاراشلىرىنىڭ نىسپىيلىكى: 1938، 1949، 1950، 1959، 2437

– بىلىملىك خاقان: 217، 218، 220، 224، 254، 301، 303، 1712، 1953، 1968، 1969، 1970

– بىلىمسىز خاقان: 1780، 1781، 1906، 4078

– خاقاننىڭ سىياسەت ۋە قەلەم بىلەن باشقۇرۇشى: 221، 222، 223

– خاقان خەلققە شىپاگەر سۈپىتىدە: 5165، 5241، 5242، 5243، 5302

– خاقاننىڭ خەلقپەرۋەر بولۇشى: 256، 1040، 2065، 2937، 5166، 5197، 6100

– خاقاننىڭ تەڭرىگە، خاقاننىڭ ئادالەتكە سېلىشتۇرمىسى:

515-بەت

3466 ،3465 ،3464

| — كۈنتۇغدى ئېلىگ ۋە ئۇنىڭ غايىۋى سۈپەتلىرى | 824، 825، 827، 829، 833، 834 | | — قەلەم ۋە ئەلەم ئەمەلدارلىرى، ئۇلارنىڭ مۇھىم سۈپەت شەرتلىرى | 2182، 2183، 2417، 2419، 2425، 2426، 2428، 2537، 2711، 2714، 2715، 2716، 2967، 2968، 4067، 4068، 4069، 5283، 5305 | | — زۇلۇمنى ئۇتۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى سوغا ئوخشاتقانلىق | 2030، 2031، 2032، 2033، 2034، 2058، 3107 | | — قانۇننىڭ دەخىلسىزلىكى | 3463، 3464، 5734، 5735، 5744 | | — قانۇن مەقسىتى خەلق مەنپەئىتى ئىكەنلىكى | 3461، 5491، 5773 | | — بىلىملىك خاقان ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش | 252، 286، 454، 830، 1041، 1374، 1456، 1458، 1460، 1461، 1772، 2015، 2017، 2024، 2171، 2173، 2130 | | — ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمى تەرزىدىكى ئىدېئولوگىيە | 2127، 2128، 3464، 3465، 3466 | | — ئەمەلدارنىڭ قانۇنغا بويسۇنۇشى | 429 | | — باراۋەرلىك، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكى | 809، 816، 817، 818، 822، 828، 832 | | — ئادالەت | 771، 772، 802، 803، 804، 805، 806، 819، 821، 5172 | | — ھۆكۈمدە كېسكىن بولۇش، ياخشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ياماننى جازالاش | 811، 812، 813، 814، 815، 816 | | — ھەربىي ئىشلارنىڭ مۇھىملىقى | 2284، 3005 |

516-بەت

| 3039، 3043، 3045 ھەربىي سىياسىي خىزمەت | 2300، 2301 ئەسكىرىي كەيفىيات | 2291، 2310، 2311، 2312، 2313، 2314 دۈشمەننى سەھل چاغلىماي پۇختا ھازىرلىنىش | 4263 سۈلھى | 4269 ئەسكەرنى خىل — سۈپەتلىك قىلىش | 2332، 2333، 2334، 2335، 2336، 2339، 2340 رازۋېدكا | 2342، 2350، 2351 جەڭدە ئۆلۈمدىن قورقماسلىق، جەڭنى توي — مەرىكە ھېسابلاش | 2380، 2391 قانلىق ھايات — مامات جېڭى | 2377، 2378 ھەربىي ھىيلە | 2327، 2355، 2356، 2357 ھەربىي بارگاھ | 2345، 2349 تېز ھۇجۇم، تېز جەڭ | 2369 بۈكتۈرمە تاكتىكىسى | 2370 سەپ شەكىللىك تاكتىكىسى | 2371 ھۇجۇم | 2376 چېكىنىش | 2359، 2361 قوغلاپ زەربە بېرىش | 2388، 2389، 2390، 2395 جەڭدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار مەسىلىسى | 2402، 2403، 2404، 2405 ھەربىي تەئمىنات ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش | 2398، 2400، 2401، 2411، 2808، 2810، 2989 مالىيە كىرىم — چىقىم، ھېسابات ۋە تەكشۈرۈش | 2773، 2774، 2775، 2779، 2781، 2800، 4538

517-بەت
  • مالىيە - سودا، باھا ۋە تاۋارچىلىق: 2747، 2766، 2801، 2802، 2803، 3076

  • دېھقانلار: 4400، 4403، 4417

  • چارۋىچىلار: 4439، 4440، 4441، 4442، 4447، 4448، 4450

  • قول ھۈنەرۋەنلەر: 4458، 4459

  • سودىگەرلەر ۋە شېرىكچىلىك: 4419، 4423، 4425، 4426، 4427، 4428، 4431، 4433، 4544

  • ھەر خىل كەسىپ ناملىرى: 4294، 2557، 2558

  • يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھالدىكى ئىجتىمائىي تەبىقىلەر: 5560، 5561، 5562، 5563

  • ئەركىن كىشىلەر: 2987، 2990، 2991

  • نامرات خەلق: 5564، 5565، 5566، 5567

  • كەڭ ئاۋامنى خۇنۈكلەشتۈرگەن مىسرالار: 266، 988، 989، 2078، 2080، 4327

  • ئەمگەك، باشقىلار ئەمگىكىنى قەدىرلەش: 2841، 2909، 2910، 2986، 3551

  • ئىتتىپاقلىق: 3208، 3212

  • شەھەر ۋە يېزىلار ئەھۋالىنىكى: 1043، 3214، 3215، 3499، 3500، 3505، 3974

  • بىناكارلىق: 4545، 4546، 4547، 4548

  • مېھماندوستلۇق ۋە مېھماندارچىلىق قائىدىلىرى: 2553، 4574، 4575، 4576، 4577، 4581، 4583، 4584، 4605، 4663، 4667

  • توپ، شاھمات، شىكار: 2581، 2634، 2675

  • ھاراق ۋە ئۇنى كەم ئىستېمال قىلىش: 1060، 2550، 2651، 2656، 2886، 2902، 2903، 2904، 4659

518-بەت

| ياخشىلىق ۋە ياخشى نام | 228، 229، 237، 238، 239، 3270، 3271، 3272، 4465، 4466، 5808 | | يامانلىق ۋە يامان نام | 249، 5728، 4467 | | ياخشىلىق ۋە يامانلىق سېلىشتۇرمىسى | 900، 903، 916، 971 | | ياخشىلىق تۈرلىرى (ھالاللىق) | 3245، 3248؛ (ساخاۋەت): 2008، 2203، 2206؛ (كەمبەغەللىك): 4532، 4534؛ (كىچىكلەرگە ھۆرمەت): 5060، 5061، 5062؛ (ياخشىلىقنىڭ تاماق — كىيىمدىكى مۇھىملىقى): 1982 | | يامانلىق تۈرلىرى (شەخسىيەتچىلىك) | 2002، 2066، 4563؛ (ئىچكۆزلۈك، تەمەگەرلىك): 2613، 2619، 2620، 5387؛ (مەغرۇرلۇق): 1706، 2120، 2612؛ (ئىككى يۈزلىمىلىك): 4272؛ (ھەسەت ۋە پىتنىخورلۇق): 4212، 4247، 4253، 4411، 4412، 4414؛ (بېخىللىق): 950، 3036 | | ياخشىلىق قىلىش | 226، 227، 230، 232، 246، 253، 1639، 2756، 2757، 5922 | | خەلققە ياخشىلىق قىلىش | 856، 857، 858، 1296، 1315، 1367، 2024، 3237، 3278، 3930، 3931، 3933، 3935 | | ۋاپاغا ۋاپا قىلماق | 349، 929، 1393، 1394، 2040، 2985، 3432، 4256، 5774، 6263 | | بەخت ۋە ئۇنىڭ بېشارەت، نىسبىيلىكى | 549، 550، 662، 666، 668، 669، 670، 676، 677، 681، 685، 694، 695، 719، 741، 742، 743، 744، 745، 746، 747، 1332، 1373 | | پەزىلەت — بەخت ئۆچىكى | 703، 713، 726، 865 |

519-بەت

1254، 1255، 1289، 1291، 2013، 2014، 2647

  • بەخت ۋە ئەمگەك: 2936
  • مائارىپ ۋە تەربىيە: 871، 872، 873، 874، 875، 876، 879، 880، 881، 883، 884، 885، 887، 888، 1101، 1102، 1725، 1822، 3217، 3218، 8878
  • پەرزەنتلەر تەربىيىسى: 1219، 1220، 1223، 1224، 1491، 1493، 4504
  • فېئودال ئائىلە ۋە نىكاھ كۆز قارىشى: 1303، 1304، 4467، 4477، 4479، 4481، 4482، 4483، 4484، 4485، 4486، 4487، 4488، 4489، 4494، 4497، 4500، 4501، 4502، 4509، 4511، 4512، 4513، 4514، 4517، 4518، 4519، 4520، 4521، 4522، 4523، 4524، 4525
  • قەلب ۋە گۈزەللىك: 4280
  • خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك: 2465، 2924
  • توغرىلىق ۋە گۈزەللىك: 806، 1159، 1131، 2038
  • سىرتقى ۋە ئىچكى گۈزەللىك: 2208، 2213، 2215، 2216، 2663، 5112، 5113
  • ئاپتورنىڭ يېشى: 364، 365، 366، 371
  • كىتاب ئىسمى: 350
  • كىتاب تېمىسى (سەرلەۋھىسى): 358
  • كىتاب يېزىلغان ۋاقىت: 6495، 6623، 6624
520-بەت

قوشۇمچە: سۈرەتلەرگە ئىزاھات

مەن ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىمدە، كەسپىم گەرچە بىئو - خىمىيە بولسىمۇ «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىغا قىزىقتىم. 1955 - يىلى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە ئاسپىرانتورىيىسىنى تاماملاپ، چەت ئەل مەنبەلىرى بويىچە «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ XI ئەسىردىكى ئىككى ئۇلۇغ ئالىمىنىڭ خاتىرىسى» نامىدا «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىقتا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم. ھەجمى ئوتتۇراھال بولغان بۇ ئىلمىي ماقالە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى بويىچە شىنجاڭدا، جۈملىدىن جۇڭگودا تۇنجى قەدەم بولۇپ قالغانلىقىنى ئارىدىن كەم 30 يىلدىن كېيىن بايقىدىم. دەرۋەقە، بىزدە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات 1984 -، 1986 - يىللاردىن كېيىن رەسمىي ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. شۇنىسى قىزىقارلىقكى، يۇقىرىدا نامى ئاتالغان ماقالە مېنىڭ ھايات يولۇمنى ئۆزگەرتىۋەتتى. مانا مۇشۇ ماقالىنى يازغانلىقىم، ئېلىمىزدە سولچىللىق كۈچەيگەن يىللىرى ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىمغا سەۋەب بولدى. ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنى 80 - يىللاردىن باشلاپ مەن يەنە مۇشۇ تېمىغا قول سالدىم. بىر قاتار ماقالىلەر ئېلان قىلدىم.

مەن يەنە 1983 - يىلى فېۋرالدىن ئاۋغۇستقىچە بولغان يېرىم يىل ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بولدۇم. بۇ جەرياندا قەدىمكى كارۋان يولى بويىلاپ توقماق، ئاق پىشىم، پىشپەك، ئەۋلىيا ئاتا، ئوترار

521-بەت

(فاراب) ، بۆرەباش، چىمكەنت، سىر دەريا، شەش (تاشكەنت) ، ئەفراسىياپ، سەمەرقەنت، بۇخارا، خوجەند (لېنىن ئاباد) ، دۈشەنبە، جۈملىدىن ئالما - ئاتا قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدىم . ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن كىتابلار ۋە مۇزي يادىكارلىقلىرى بىلەن تونۇشتۇم . ئالىملار بىلەن قىزغىن، دوستانە، سەمىمىي سۆھبەتلەشتىم .

مەن توقماق يېنىدىكى مۇنار قەلئەچە خارابىلىرىدىن ئەينى زامان قەلئە سېپىلى قالدۇقلىرىنى، سۇ يوللىرىنى، تېرىقچىلىق ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ھاياتىغا ئائىت تاش تۇلۇق، تۆگمەن تېشى، ياغۇنچاق قاتارلىقلار بىلەن قاراخانىيلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى جەڭگىۋارلىق ئەنئەنىلىرى بولغان كۆپلىگەن بالباللارنى ھەم ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مۇنار قەلئەچىسىنىڭ ئەينى زامان تىنچ - ئاسايىشلىقىغا سىمۋول بولغان ھەيۋەت گەۋدىسىنى كۆزدىن كەچۈردۈم، ئاتاقلىق ئۆزبېك پەيلاسوپى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە فارابىشۇناسلىقنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى ئاكادېمىك مۇزەپپەر مۇھەممەد خەيرۇللايوف بىلەن ئەبۇ نەسىر فارابى ھەققىدە، جۈملىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن فارابىنىڭ ئەدەبىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتىم . ئاخىر ئونىڭ ئىلتپاتى بىلەن تاشكەنتتىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قوليازمىلار فوندىدا ساقلانغان «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەمەنگان نۇسخىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم .

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى» ئۈستىدە يېزىشقا باشلىدىم .

1986 - يىلى مېنى ياپونىيە «شەرق ئوكيان مەدەنىيەت فوندى» ناملىق ئاكادېمىيە، كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت راسخوتى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «ئۇيغۇر مۇقاملىرى» ھەققىدە ئىلمىي لېكسىيىگە تەكلىپ قىلدى . مەن ئايروپىلاندا

522-بەت

تۇلۇغ ئوكىياندىكى «جابىرغان» ئېلىگە (ياپونىيىگە) كېتىۋاتقىنىمدا، كىچىكىمدە قەشقەردىكى «كۆكگۈمبەز»نى زىيارەت قىلغىنىمنى، يېقىندا توقماق — ئاق پېشىم — بورانا (مۇنار)دا بولغانلىقىمنى ۋە بېشىمدىن ئۆتكەن ئىسسىق — سوغۇقلارنى ئەسلىدىم، كۆزۈمگە ياش ئېلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇلۇغۋار روھىغا دۇئا قىلدىم. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك»نى يازمىغان بولسا، مەن جاھاندىكى ئالدىنقى مەدەنىيەت دۆلىتىدە مۇنبەرگە ئاياغ بېسىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ مۇنبەر ئاستىغا ياپونىيە يىپەك يولى — مەركىزى ئاسىيا تەتقىقاتىنىڭ خاندا ئاكىرادەك ئىلىمى سەردارلىرى توپلاشقانىدى.

مەن ئەمدى يەنە ئەھمەد زىيائى روھىغا دۇئا قىلىمەن. ئاتامنىڭ زاماندىشى بۇ ئالىم ۋە ئەدىب باشقا كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «قۇتادغۇبىلىك»نى ھازىرقى تىلىمىزغا راۋان شېئىرىي تۈسكە كىرگۈزدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 80 - يىللارنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ شېئىرلىرىنى ھازىرقى تىلىمىزغا سالالايدىغان كىشى يوق، شۇ سەۋەبلىك دەسلەپتە ئۇنى نەسرىي نۇسخىدا نەشر قىلىش كېرەك، دېيىلگەندە، مەن «تېرىك يۈسۈپ خاس ھاجىپ» دەپ تەرىپلىنىشكە بولىدىغان، بىراق ھازىر ياشىنىپ قالغان بۇ مۇبارەك زات بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ئورۇندىيالايدۇ، دەپ ئىزگۈ كۆڭۈللىرىنىڭ قوللىشىنى قوزغىغانىدىم. ئەھۋال ئويلىغاندىكىدەك بولدى!

تۆۋەندە بارتولد بالاساغۇن دەپ كۆرسەتكەن مۇنار قەلئەسىنىڭ خارابىلىرى، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تاشكەنتتە ساقلانغان نۇسخىسى، ئەھمەد زىيائى باش بولۇپ ئىشلىگەن «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە شېئىرىي نۇسخىسى ۋە مېنىڭ ياپونىيىدە مۇشۇ تېمىدا سۆزلەۋاتقانلىقىم قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر بېرىلدى.

523-بەت


524-بەت

Empty text. There is no Uyghur text on the page.

525-بەت
526-بەت

ISBN 7-5631-1080-1

ISBN 7-5631-1080-1

I·182 (维文) 定价: 22.50元

9787563110803>

ئاۋازلىق كىتاب
1-باب: ياراتقۇچى تەڭرى تەئالانىڭ مەدھىيىسى
100%
00:00 --:--