15/ 12078 150
پەرزەنتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلىشىگە يېتەكچى
بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن
( «قۇتادغۇبىلىك» دەرسخانىسى)
يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
مەسئۇل مۇھەررىرى: تۇرسۇن ئابدۇللا مەسئۇل كوررېكتورى: ھۈسەيىنجان ئەسقەرى مۇقاۋىنى لايىھىلىگۈچى: ئەكبەر سالىھ
بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن
ئاپتورى: يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتتى (ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى N14، پوچتا نومۇرى: 830046)
شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» باسما زاۋۇتىدا بېسىلدى فورماتى: 1168 × 850 م، 1/32، باسما تاۋىقى: 5.625 2001 - يىل 1 - ئاي 1 - نەشرى 2001 - يىل 1 - ئاي 1 - بېسىلىشى تىراژى: 5000 — 0001
ISBN 7 — 5631 — 1307 — X/G • 748 باھاسى: 8.00 يۈەن
كىرىش سۆز
«ئەي سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىم، مەن سىلەر ئۈچۈن شۇنچە مۇشەققەت چېكىپ ھاياتلىق ئۇلۇڭلارنى پۇختىلاش ئۈچۈن، ئىش - ھەرىكەت ۋە يولۇڭلارنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىمنى يادىكار قالدۇردۇم. ھەر قاچان يولۇڭلاردىن ئازماي ئۇشبۇ يول بىلەن ماڭغايسىلەر. بۇ مەندىن سىلەرگە قالغان قىممەتلىك مىراس، مىراس سۆزلىرىمنى ئوقۇپ ئەمەل قىلساڭلار، بۇ دۇنيادا ئەزىز ۋە قەدىرلىك بولسىلەر» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ).
ئەي، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 21 - ئەسىر دەرۋازىسىغا قەدەم قويغان ئەۋلادلىرى، «قۇتادغۇبىلىك» نى ئوقۇپ باققانمۇ؟ سىز بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇمىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى يەنىلا ئۇنىڭ ۋارىسى، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇغۇچى چاغلامسىز؟
بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر روھى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىلغار ئىدېئولوگىيىسىنى بىلىشنى خالىسىڭىز، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسىنىڭ جەۋھىرى، بەختلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز بەخت ئەڭگۈشتىرى، مۇقەددەس مەنىۋى يول باشچىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، «قۇتادغۇبىلىك» ھەقىقىي مەنىۋى ئۇستاز. ساۋاقداش، دەل يۇقىرىقىدەك زۆرۈرىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ۋەقەلىكى ۋە مەزمۇنىنى سىلەر چۈشىنىپ قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئاممىباب شەكىلدە شەرھلەپ بايان قىلىپ چىقتىم. بۇ بىر تەرەپتىن سىلەرنى
ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇنى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچراشتۇرۇشقا سېلىنغان ئۇل بولغۇسى، يەنە بىر تەرەپتىن سىلەرنىڭ ھازىرقى يولغا قويۇلۇۋاتقان ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ھاياتنى چۈشىنىش، ياشاش قابىلىيىتىڭلارنى ئاشۇرۇش، ئەخلاق - پەزىلەت ئۆگىنىشتىكى بىر قىسىم بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ياخشى قوللانما بولغۇسى.
| يۈسۈپ بوۋامنىڭ ئۈمىدى | 1 | | 1. قۇياش خىسلەتلىك شاھ — كۈنتۇغدى ئىلىگ | 4 | | 2. ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى | 7 | | تەنبىھ: مۇساپىرلارنى قەدىرلە | 8 | | تەنبىھ: ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ ئالەم سېنىڭكى | 8 | | 3. بەخت خىسلەتلىك ئايتولدىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغانلىقى | 13 | | تەنبىھ: يېڭى شېئىي يېڭىلمەستۇر | 15 | | تەنبىھ: بەخت | 17 | | 4. كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ۋەھىيلىك بېشارەتلەر بىلەن ئايتولدىنى ھەيران قالدۇرغانلىقى | 19 | | تەنبىھ: ئادالەتنى، قانۇننى قوغدا | 21 | | تەنبىھ: ئۆزۈڭ ياخشى بول، ياخشىلارغا قېتىل | 23 | | تەنبىھ: ياخشىلارنى قوللا | 25 | | تەنبىھ: سېنى ياخشى كۆرگەنلەرنى سەنمۇ ياخشى كۆرگىن | 26 | | 5. ئايتولدى بىلەن كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ تىلنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرى، پايدىسى بىلەن زىيىنى توغرىسىدا سىرداشقانلىقى | 28 | | تەنبىھ: تىل بايلىقىدىن توغرا پايدىلان | 30 | | تەنبىھ: ئانا تىلىڭدىن بەزمىگە يەسەن | 32 |
| 6. ئايتولدىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، بەخت قۇشىنىڭمۇ ئۇچۇپ كەتكەنلىكى | 34 | | تەنبىھ: ساغلام چاغلىرىڭنى غەنىيمەت بىل | 34 | | تەنبىھ: ھايات قىممەتلىك | 36 | | 7. ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىقى | 39 | | تەنبىھ: ئاتا ـ ئاناڭنى ھۆرمەتلە | 42 | | تەنبىھ: ھەسەتخور بولما | 44 | | تەنبىھ: ھاراقنىڭ زىيان ـ زەخمىتى | 46 | | 8. ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگكە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قالدۇرغانلىقى | 49 | | تەنبىھ: ھەر قاچان ئادالەت تەرەپتە تۇر | 50 | | تەنبىھ: ئۆلۈمنى ئۇنتۇما | 52 | | 9. ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى | 54 | | تەنبىھ: ھايا | 57 | | تەنبىھ: ئاچ كۆزلۈك بىلەن بېخىللىق قوشكېزەك | 58 | | تەنبىھ: پۇل، مەنپەئەت توغرىسىدا | 59 | | 10. كۈنتۇغدى بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل خۇسۇسىدا سىرداشقانلىقى | 62 | | تەنبىھ: ئەقىل تاپ، ئەقىل بىلەن ئىش قىل | 65 | | 11. ئىلىم ـ پەن تەرىپى | 67 | | تەنبىھ: ئادەمنىڭ قەدىر ـ قىممىتى بىلىمدە | 68 | | 12. ئىككى زاتنىڭ ھاكىمىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سىرداشقانلىقى | 73 | | تەنبىھ: باش ياخشى بولسا ئەلنىڭ بەختى | 76 | | 13. خىزمەتچىلەر ۋە پۇقرالارنىڭ باش بولغۇچى كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرى | 79 |
| تەنبىھ: مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىل | 80 | | 14. ئۆگدۈلمىشنىڭ دەۋەت ئۈچۈن ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا بارغانلىقى | 85 | | تەنبىھ: ئۈمىدنى ئۆزۈڭگە قانات قىل | 86 | | 15. دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك ھەققىدە | 90 | | تەنبىھ: دوستنى قەدىرلە، دۈشمەندىن ھەزەر ئەيلە | 91 | | 16. ئودغۇرمىشنىڭ بۇ دۇنيادىن قۇسۇر ئىزدەنگەنلىكى | 97 | | 17. بۇ دۇنيا گۈزەل، بۇ دۇنيا پۇرسەت | 98 | | 18. ئودغۇرمىشنىڭ ئىككىنچى قېتىم دەۋەت قىلىنغانلىقى | 102 | | 19. ئودغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ مۇنازىرىلەشكەنلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇتۇشقانلىقى | 104 | | 20. كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىلىرى | 106 | | تەنبىھ: تەمە قۇتۇلماس قۇللۇقتۇر | 107 | | 21. ئاۋام خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە ئۆتۈش ھەققىدە | 110 | | تەنبىھ: ئۇستازلارنى، ئالىملارنى ھۆرمەتلە | 111 | | تەنبىھ: كەسپىنىڭ تۈگىشى يوق | 116 | | 22. ھېساب ۋە ھېسابات ئىشلىرى توغرىسىدا | 119 | | تەنبىھ: ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە غاپىل بولما | 120 | | 23. مېھماندوستلۇق ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىلىش ھەققىدە | 123 | | تەنبىھ: تەن ساقلىق — پادىشاھلىق | 126 | | 24. كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئودغۇرمىشنى ئۈچىنچى قېتىم دەۋەت قىلغانلىقى |132 |
| 25. كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئودغۇرمىش بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئودغۇرمىشنىڭ ئىلىگكە نەسىھەت قىلغانلىقى | 135 | | تەنبىھ: مەسئۇلىيەتچان بول | 138 | | 26. ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىلىگكە ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەنلىكى | 143 | | تەنبىھ: بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما | 143 | | 27. ئۆگدۈلمىشنىڭ ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا بېرىپ كېڭەشكەنلىكى | 149 | | تەنبىھ: مەسلىھەت — ھەر ئىشنىڭ داۋاسى | 152 | | تەنبىھ: چېقىمچى بولما، چېقىمچىغا ئالدانما | 154 | | 28. ئودغۇرمىشنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۆگدۈلمىشنى چاقىرتقانلىقى | 156 | | 29. ئودغۇرمىشنىڭ ۋاپاتى | 163 | | تەنبىھ: ئۆزۈڭنى قايغۇ ـ ھەسرەت بىلەن چىرمىۋالما | 165 | | تەنبىھ: ياشلىق باھارىڭنى بىھۇدە خازان قىلما | 169 |
يۈسۈپ بوۋامنىڭ ئۈمىدى
ئەي زېرەك، ئەقىللىق ئوغلۇم، ئىستىكىم ئەۋلادلىرىم ئۈچۈن تېگىشلىك سۆزلىرىمنى يادىكار قالدۇرۇش ئىدى. ئەقلىم قارشى قوپۇپ ئېيتتىكى: ئەي يۈسۈپ دىققەت قىلغىن، سۆزۈڭدە يېڭىلىشىپ قالما، يامان ئاتاققا قالسىن! ئويلاپ كۆرۈپ ئۆز - ئۆزۈمگە شۇنداق ئېيتتىم: سۆزلەۋەرگىن، يېڭىلىشىش ئىنسانلارغا خاس خۇسۇسىيەتتۇر. شۇڭا، ئۇ «يالڭۇق»① دەپ ئاتالغان. بىلىملىك ئوغۇل ھەرگىز ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇمايدۇ. نادان كىشى ياخشى - يامان، توغرا - خاتانى پەرق ئەتمەيدۇ. سەن ئەقىللىق ئەۋلادلىرىڭنىڭ خىزمەتكارى بول! شۇنداق ئوغلۇم، سۆزلىگۈچى ئازىدۇ، يېڭىلىشىدۇ، ئەقىللىقلار كۆزىتىپ ئاڭلايدۇ. سۆز دېگەن چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن تۆگىگە ئوخشاش قاياققا يېتىلسە شۇ ياققا كېتىدۇ. شۇڭا، مەن ئۈچۈن سۆزلىرىمنى چۈشىنەلىگەن پەرزەنت ئەڭ قەدىرلىك، ئۇنى جايىدا ئىشلىتەلىگەن پەرزەنت جېنىمدىنمۇ ئەزىز، ئوغلۇم.
ئۇقساڭ، دۇنيادىكى پۈتۈن خاسىيەتلىك ئىشلار بىلىمنىڭ ساخاۋىتىدىن، مىسال ئالساق، بىلىم بىلەن كۆككىمۇ يول ئېلىش مۇمكىن. شۇڭا، ھەر قانداق سۆزنى دېمەكچى بولساڭ بىلىم بىلەن سۆزلە، كىشىلەرنىمۇ بىلىمىگە قاراپ قەدىرلە. ئىنساننىڭ كۆڭلى تۈۋى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ئۆگەنگەن بىلىملىرى خۇددى دېڭىزدىكى ئۈنچە - مەرۋايىتلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنى قەلب دېڭىزىڭدىن ئەجىر قىلىپ سۈزۈپ چىقىرىپ ئورۇنلۇق جايغا ئىشلەتمىسەڭ، ئۇ سايدىكى تاشتىن پەرقسىز، قىممەتسىز بولىدۇ.
① يالڭۇق - قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئادەم» دېگەنلىك بولۇپ، «يېڭىلىگۈچى» دېگەن مەنىگە ئىگە.
شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭنى ۋەتەن - خەلقىڭ ئۈچۈن جايىدا ئىشلەتمىسەڭ، ئۇ بىلىمىڭ خەلققە پايدا يەتكۈزۈش تۈگۈل، ئۆزۈڭنىمۇ يورۇتالمايدۇ.
بالىلىرىم، بىلىملىك، ئەقىللىق بولۇش نېمىدېگەن ياخشى ئىش! ئۇنىڭغا ئېرىشەلىسەڭ جايىدا ئىشلىتىپ، ئۆزۈڭنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئاشۇرغىن. جاھان سوراش ئۈچۈنمۇ، خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ، بەختلىك ياشاش ئۈچۈنمۇ ئەقىل ھەم جاسارەت كېرەك. ئادەم بۇ دۇنياغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ئەقىللىقلار، بىلىملىكلەر، جاسارەتلىكلەر ياخشى قانۇن - قائىدىلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئەلنى يېتەكلەپ كېلىشتى. بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ قەدىرلىك، ھۆرمەتلىك ئورۇن بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرگە مەنسۇپ بولۇپ كەلدى. ئادەملەرنىڭ يامىنىمۇ ئەقىل تاپسا تۈزىلىدۇ، خەلق ئارىسىدىكى ناچار ئادەتلەرمۇ بىلىم بىلەن تۈزىلىدۇ. ئەي ئوغلۇم، بۇ دۇنيادا بەختلىك، قەدىر - قىممەتلىك بولۇپ ياشاي دېسەڭ، قولۇڭدىن كېلىشىچە خەلقىڭگە ياخشىلىق قىلىشىڭ لازىمدۇر. بىلگىنكى، ئادەم دېگەن بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشىمايدۇ، پەقەت ياخشى ناملا مەڭگۈلۈك قالىدۇ.
مەن ئەۋلادلىرىمغا قىلغان بىر ياخشىلىقىم بولۇپ قالسۇن، ئوقۇغۇچىلار بەھرە ئالسۇن، بەخت ئۈچۈن يول تاپسۇن دېگەن نىيەتتە بۇ كىتابىمنى يېزىپ سۆزلىرىمنى بايان قىلدىم. كىتابىمغا «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئات قويدۇم. ئۇ ساڭا قۇت كەلتۈرۈپ، سېنى قولۇڭدىن تۇتۇپ نىجاتلىق يولىغا يېتەكلىشىنى تىلەيمەن.
ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى سەن ئۈچۈن سۆزلىدىم، نەسىھەتلىرىمنى سەن ئۈچۈن قىلدىم. ساڭا مەندىن ھەر قانچە مال - دۇنيا، ئالتۇن - كۈمۈش قالسىمۇ، ھەرگىز بۇ سۆزلىرىمگە تەڭ كۆرمە. پۇل، مال - دۇنيا دېگەن خەجلىسەڭ تۈگەپ كېتىدۇ، يوقىلىدۇ، سۆزلىرىمنى ئىشلەتسەڭ تۈگىمەس بايلىققا ئېرىشىسەن. كىشىدىن - كىشىگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇپ
قالىدىغان قىممەتلىك مىراس ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان سۆزدۇر . ۋەسىيەت قىلىنغان سۆزلەرنى ئېسىڭدە تۇتساڭ پايدىسى تۈگىمەستۇر . ئەي ئوغلۇم ، ھاياتىڭنى خۇشال - خۇراملىقتا ئۆتسۇن دەيدىكەنسەن ، سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقىنكى ، ئۆسمۈرلۈك ۋە يىگىتلىك چاغلىرىڭنى ھەرگىز زايە قىلما . ئۆسمۈرلۈك ، يىگىتلىك چاغلىرىڭ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ ، كېيىن ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ ، ئۇنى قەدىرلە . زېھنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ، خاتىرجەم چاغلىرىڭ بولغان ئۆسمۈرلۈك ، ياشلىق چاغلىرىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ ، تىرىشىپ قابىلىيەتىڭنى ئاشۇرساڭ ئۆمۈرلۈك بەخت ئۈچۈن ئاساس سالىسەن .
مانا مەن يىگىتلىك چاغلىرىمنى تۈگىتىپ ، قېرىلىققا يەتتىم . ئۆسمۈرلۈك ، يىگىتلىك چاغلىرىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن لىكىمدىن بەك ئۆكۈنىمەن . بىراق ، ئۆكۈنۈش ھەسرەتتىن باشقا مېۋە بەرمەيدىغان قۇرۇق دەرەخ ئىكەن . مانا ماڭا 50 ياش قولىنى تەگكۈزدى ، قۇزغۇندەك قارا چاچلىرىم ئاق قۇدەك ئاقاردى ، ئەجەل يەتمىسە ئاتمىش - يەتمىشلەرگىمۇ بارارمەن . بىراق ، ئادەمنىڭ ھاياتى 60 ھېسابىنى تۈگەتسە ، ئۆمرىنىڭ يېزى تۈگەپ قىشقا كىرىدىكەن ، ھاياتنىڭ زوقىمۇ تۈگەيدىكەن . ئاتا - ئاناڭغىمۇ قارا ، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن ، ياشلىق گۈلىستانىدىن ھۇزۇرلانغان ، قېرىلىق كېلىپ ھەممىنى تارتىۋالدى . ئېسىڭدە بولسۇنكى ، بۇ ھال ساڭىمۇ كېلىدۇ . ئۇنداق بولسا قانداق قىلىشىڭ كېرەك؟! ئوبدان ئويلانغىن ، مەن ئەسلى سۆزۈمنى باشلاي .
سەن ئەمدى ماڭا ئەگىشىپ ئادالەت دۆلىتىنى زىيارەت قىلغىن . قۇياش خىسلەتلىك شاھ كۈتتۇغدى ئىلىگ بىلەن ئۇچراشقىن ، بەخت ئىلەچىسى ئايتولدى بىلەن سىرداشقىن ، ئەقىل - پاراسەت ئىگىسى ئۆگدۈلمىش بىلەن دوست بولغىن ، ئودغۇرمىشنىڭ ئاچچىق ھەسرەتلىرىدىن ئىبرەت ئالغىن .
1. قۇياش خىسلەتلىك شاھ – كۈنتۇغدى ئىلىگى
زامانىمىزدا ئەقىل – ئىدراكتا ئۈستۈن، بىلىم – پاراسەتتە باش بولغان دانا ۋە دانىشمەن بىر پادىشاھ بار ئىدى. ئۇ نام – شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان كۈنتۇغدى ئاتلىق خان ئىدى. ئۇ قارنى – كۆكسى كەڭ، تەبىئىتى دۇرۇس، مىجەزى مۇلايىم، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولغان خاقان ئىدى. ئۇ ئەقىللىق ۋە بىلىملىكلىكى بىلەن يامانلارغا ئوت، دۈشمەنلەرگە ئاپەت ئىدى. ئۇ ئادالەت بىلەن دۆلەت سوراپ پۈتۈن ئەلنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.
كۈنتۇغدى ئىلىگى ئاشۇنداق پەزىلەتلىرى بىلەن كۈن بىلەن ئايدەك جاھاننى يورۇتقان ئىدى. دۆلىتىدە كىم ئەقىلدە كامىل بولسا ئۇنى يېنىغا تارتىپ ئورۇن بەردى، كىم بىلىملىك بولسا ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەزىز قىلدى. شۇنداق قىلىپ كۈنتۇغدى ئىلىگىنىڭ ئوردىسىغا دۇنيادىكى ئەڭ بىلىملىك، ئەقىللىق، پاراسەتلىك كىشىلەر توپلانغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ دۆلەت ئىشلىرىدا يەنىلا يالغۇزلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى، دۆلەت ئىشلىرىنى يۈرەكلىك ئۈستىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ قابىل كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
كۈنتۇغدى ئىلىگى بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى، كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق دەيتتى: شاھلىق ئىشى بۈيۈك ئىش، بىراق ئۇنىڭ ئىشىمۇ كۆپ، باش ئاغرىقىمۇ تولا. ئەمما، بۇ ئىشلارنى ماڭا ياردەملىشىپ كۆڭۈلدىكىدەك قىلالايدىغان ئادەملەرنى تاپماق تولىمۇ قىيىن ئىكەن. ئۆزۈم يالغۇز دۆلەتنىڭ شۇنچە نۇرغۇن ئىشلىرىنى قىلىپ ئايىغىغا چىقالمايمەن. ماڭا ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان، ئەقىل ۋە
بىلىمدە باشقىلارغا باش بولالايدىغان ئادەمدىن بىرى بولسا بولاتتى. بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن ئەقىل ئىگىلىرى بىلىپ: ئەلنىڭ ئىشلىرىدا ياراملىق ياردەمچىڭ بولسا، جەبرىڭ ئازىيىپ قانۇن - تۈزۈم ئوبدان يۈرۈشىدۇ، دېگەنىكەن.
كۈنتۈغدى ئىلىگ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ياردەمچىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزى يەڭ تۈرۈپ ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ شۇنداق جاپالىق ئىشلىدىكى، ئەلنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئېغىر مېھنەت چەكتى.
شۇنداق ئوغلۇم، ھالاۋەت ئىزدىگەن ئادەم مېھنەت قىلىشى كېرەك. دائىم شادلىق بىلەن قايغۇ - ئەلەم ھەمراھ بولۇپ يۈرۈيدۇ. ئورنۇڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى، باش ئاغرىقىڭمۇ كۆپىيىدۇ. باش چوڭايغانسېرى كىيىدىغان بۆكمۇ چوڭىيىدۇ ئەمەسمۇ؟!
شۇنداق قىلىپ كۈنتۈغدى ئىلىگ ئەل ئارىسىغا خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىغا كۆز - قۇلاق بولىدىغان نازارەتچىلەرنى ئەۋەتتى، يارامسىز ئەسكىلەرنى ئەل ئىچىدىن تازىلىدى. ئۇنىڭ شۇنداق سەگەكلىك بىلەن باشقۇرۇشىنىڭ خاسىيىتى بىلەن بەختى تېخىمۇ نۇرلىنىپ، نام - شۆھرىتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئوغلۇم، ئادەم ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ھوشيار ياشاش ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەت ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەلنىڭ بەختى ۋە سەلتەنەتىنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئاشۇنداق ھوشيارلىق كېرەك. بۇ ھەقتە بىر شائىر مۇنداق دېگەن:
ئويغاقلىق ۋە ساقلىقنى ماختىدى ئەر، غاپىللىق بىلەن تەر تۈمەنلەپ كۈلەر. غاپىل بولما ساقلان، پۈتۈن ئىشتا سەن، تىلە ئىككى دۇنيا بۇ ساقلىق بىلەن.
بىخەملىك ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ، سەگەكلىك بىلەن ئادەم ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ساقلىنىلايدۇ. بىخۇتلۇق ئەلگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ھوشيارلىق سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.
كۈنتۇغدى ئىلىگ شۇنداق ئويغاق ۋە سەگەك بولۇپ ئادالەت بىلەن ئەل سورىغانلىقى ئۈچۈن ئېلى بېيىدى، قوي بىلەن بۆرە بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. ئۇنى دوستلىرى قوللىدى، دۈشمەنلىرى باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدى. ھەر قايسى جايلاردىن ئادالەتنى ياقلايدىغان ئىقتىدارلىق، ئىستىداتلىق كىشىلەر كېلىپ ئەتراپىغا توپلىنىپ پەرمانبەردار بولۇپ تۇرۇشتى.
شۇنداق ئوغلۇم، ئەلدە ئادالەتلىك قانۇن يولغا قويۇلىدىغان بولسا، خەلقنىڭ ھال - كۈنلىرى تولىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھۆكۈمدارنىڭ مەجەز - خۇلقى ياخشى بولسا، ئۇ ئەلنىڭ بەختى.
2. ئايتولدىنىڭ كۈتۈغدى ئىلىگىنىڭ خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى
ئاستانىدىن يىراق بىر يۇرتتا ئايتولدى ئاتلىق بىر كىشى ياشايتتى. ئۇ ئوغلان شۇنداق قامەتلىك، كېلىشكەن يىگىت ئىدىكى، ئەقىل - ئىدراكتا، ئەدەپ - ئەخلاقتا زامانىسىنىڭ يېگانىسى ئىدى، سۆزلىسە تىلىدىن ھەقىقەت تاماتتى، چىرايلىق ھۆسنىگە قارىغان كىشىنىڭ كۆزى قامىشاتتى. ئۇ كۈنلىرىنىڭ ئەجىر - تۆھپىسىز، مەنىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ئىچى پۇشۇپ، بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈتۈغدى ئىلىگىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئۆز - ئۆزىگە شۇنداق دېدى: ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىمەنۇ، نېمىشقا كۈنلىرىمنى بۇ يەردە بىكاردىن - بىكار زايە قىلىپ ئۆتكۈزىمەن؟! كۈتۈغدى ئىلىگىنى ئىقتىدار ئىگىلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئېغىر بېسىق، قابىلىيەتلىك دەپ ئاڭلىۋېدىم. ياخشىلارنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ياخشىلار بىلىدۇ، بىلىملىكلەرنىڭ قەدىرىگىمۇ يەنە شۇ بىلىملىكلەر يېتىدۇ. تەلۋە، نادان كىشىلەر بىلىمنىڭ قەدىر - قىممىتىنى نەدىن بىلسۇن؟! ئۇ يۇقىرىقى خىياللىرىدىن كېيىن كۈتۈغدى ئىلىگىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىش قارارىغا كېلىپ، تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. «مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ يات يۇرتقا كېتىپ بارىمەن، - دەيتتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە، - مۇساپىرلىق، غېرىبلىق دېگەن ئادەم ئۈچۈن بەك ئېغىر ئىش. غېرىبلىق دېگەن نى - نى كىشىلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرغان. يات يۇرتتا پۇل - پۇچەك تولىمۇ لازىم بولىدۇ، قولى قىسقا ئادەم سارغىيىپ قالىدۇ. شۇڭا، كۆپرەك ئاقچا ئېلىۋېلىشىم لازىم.» شۇنداق قىلىپ ئۇ پۇلنى يېتەرلىك ئېلىپ يولغا راۋان
بولدى.
ئايتولدى سەپەردە ناھايىتى كۆپ جەبىر - جاپالارنى تارتىپ، ئاخىرى كۈنتۈغدى ئىلىگ تۇرۇشلۇق پايتەختكە كېلىپ چۈشتى. بىراق، ئۇ بۇ شەھەرگە كېلىپ ياخشىراق بىر قونالغۇ تاپالماي، كەڭرى ئالەم ئۇنىڭ ئۈچۈن تار تۇيۇلدى.
تەنبىھ: مۇساپىرلارنى قەدىرلە
شۇنداق ئوغلۇم، ئۆزى كېلىپ باقمىغان ئەلدە ئادەم تارتىنىپ يېڭى كېلىندەك تىلى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، تونۇش - بىلىشلىرى بولمىغاندىن كېيىن قارىغۇ كىشىگە ئوخشاش يولدىن ئازىدۇ. شۇڭا، يۇرتۇڭغا سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنى ئەيىبكە بۇيرۇما، كەمسىتمە، بولسا ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئادىمىگەرچىلىكنى يەتكۈز. ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، ئاش بېرىپ قورسىقىنى تويغۇز، سۇ بېرىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇر.
ئايتولدى خېلى بىر مەزگىل غېرىبلىق ئازابىنى تارتىپ كۈنلىرىنى بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدى. ئۇ چوڭ - كىچىككە ئوچۇق - يورۇق، سەمىمىي مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن تېزلا دوست - بۇرادەرلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
تەنبىھ: ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ ئالەم سېنىڭكى
شۇنداق ئوغلۇم، ئادەم ياخشى بولسا ھەر قانداق جايغا بارسا ئۆزگە يېقىن دوست تاپالايدۇ. ياخشىلار ياخشىلارنى قەدىرلەيدۇ.
ئەسكىدىن ھەممە ئادەم بىزار بولىدۇ، «ياماندىن يا بويىچە قاچ» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىققان. شۇڭا، ھەر قانداق ئادەمگە سەمىمىي، دوستانە مۇئامىلىدە بولغان ياخشى. سەن باشقىلارنى قەدىرلىسەڭ، باشقىلارمۇ سېنى قەدىرلەيدۇ، باشقىلارنى پەس كۆرسەڭ، ئۇلارمۇ سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئايتولدى پايتەختكە كېلىپ تونۇشقان دوستلىرى ئارىسىدا كۈسەمىش دېگەن ياخشى بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئايتولدىنىڭ بۇ شەھەرگە كۈتتۈغدى ئىلىگىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈمىدى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئۇققانىدى. كۈسەمىش كۈتتۈغدى ئىلىگىنىڭ بىر خاس ھاجىپىنى ياخشى تونۇيتتى، خاس ھاجىپ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى ئايتولدىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى.
— ئاۋۋال مەن بىلەن بىر كۆرۈشسۇن، — دېدى ھاجىپ، — مەن ئۇنى كۆرەي، ئاندىن بۇ ئىشنى كۈتتۈغدى ئىلىگىنىڭ مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قاچان قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى سوراي.
كۈسەمىش خاس ھاجىپنىڭ خەۋىرىنى ئاي تولدىغا يەتكۈزدى: — ئەي ئايتولدى، ھاجىپ ئاۋۋال مەن بىلەن كۆرۈشسۇن دەيدۇ، بېرىپ ئۆز ئاغزىڭ بىلەن مەقسىتىڭنى بايان قىل. مېنىڭ دېگىنىم ئۆزۈڭنىڭ دېگىنىگە يەتمەيدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىشىنى يەنە بىر كىشى ھەرگىزمۇ ئۆزىدەك قىلالمايدۇ. بۇ دۇنيادا سەن ئۈچۈن ئەڭ كۆيۈملۈك كىشىمۇ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭدەك كۆيۈملۈك بولالمايدۇ، — دېدى.
خاس ھاجىپ ئايتولدىنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئۆزئارا سىردىشىپ تونۇشۇشتى. ئايتولدىمۇ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى يوشۇرماي خاس ھاجىپقا ئېيتتى:
— ئەي دۆلەتمەن ھاجىپ، مەن كۈتتۈغدى ئىلىگىنىڭ ئۇلۇغ نامىنى كۆپ ئاڭلىدىم. شۇڭا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن. ئەگەر ھاجىپ جانابلىرى مۇناسىپ كۆرسە، كۈتتۈغدى ئىلىگىنى مېنىڭ بۇ تىلىكىمدىن ۋاقىپلاندۇرغاي، دېگەن ئۈمىدتىمەن.
خاس ھاجىپمۇ ئايتولدىنىڭ تەقى - تۇرقى، مىجەز - خۇلقى ۋە پەزىلىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ، «ھەقىقەتەن ئىلىگ خىزمىتىگە مۇناسىپ ئىكەن» دەپ ئويلىدى.
ئەي ئوغلۇم، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ: كىم باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشسە، ئۇنىڭ ئەيىبى بولسىمۇ پەزىلەت بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ياخشى كۆرمىگەن ئادەمگە پەزىلەتلىرىمۇ ئەيىب بولۇپ تۇيۇلىدۇ. — ئالدىرىماي مېنىڭ خەۋىرىمنى كۈتۈپ تۇرغىن، — دېدى خاس ھاجىپ، — خاتىرجەم بولغىن، مەن ئىلىگكە ياخشى تەرىپىڭنى قىلىپ، ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كۈچ چىقىرىمەن. ھازىرچە قايتىپ تۇرغىن، ھەر قانداق ئىشقا ئالدىراپ قول تىقىپ قويسا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ئالدىراپ قىلغان ئىش ئاخىرى ئادەمنى پۇشايمانغا قويىدۇ. ھەر قانداق ئىشنىڭ پەيتىنى كۈتۈش لازىم، ھېچقانداق ئىش ئۆز قەرەلىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.
ئايتولدى خاس ھاجىپنىڭ قىممەتلىك شېرىن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، رەھمەت ئېيتىپ تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەتتى.
بىر كۈنى خاس ھاجىپ ياخشى بىر پۇرسەتنى تېپىپ ئايتولدىنىڭ بارلىق ياخشى پەزىلەتلىرىنى ئىلىگكە سۆزلەپ بەردى. ئىلىگدە ئايتولدى بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، ھاجىپقا ئۇنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىشنى ئەمر قىلدى. خاس ھاجىپ دەرھال بىر غۇلامنى ئەۋەتىپ ئايتولدىنى چاقىرىپ كېلىپ ئىلىگ بىلەن
كۆرۈشتۈردى.
ئايتولدى خۇرسەنلىك بىلەن ئىلىگىنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى ۋە ئەدەپ - قائىدە بىلەن سالام قىلدى ۋە ئىلىگىگە چوڭقۇر مەدھىيىلەرنى ئېيتتى. ئىلىگى ئايتولدىنىڭ قەددى - قامىتىنى كۆرۈپلا كۆڭلى يورۇپ كەتتى، ئايتولدىنىڭ سورىغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىدىن ئۇنى خېلى چۈشەندى ھەم ئۇنىڭدىن سۆيۈندى. ئارقىدىن ئايتولدىغا «مەقسىتىڭنى بايان قىل» دەپ ئىجازەت بەردى.
— ئەي بەختلىك ئالىيلىرى، — دەپ ئەدەپ - قائىدە بىلەن سۆز باشلىدى ئايتولدى، — ئادەم دېگەن ئەلنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تاپالايدۇ. مەن ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. بۈگۈن دىدارىڭنى كۆرۈپ ئارزۇيۇم قاندى. ئالىيلىرىدىن ئۆتۈشۈم شۇكى، تەلىپىمنى رەت قىلماي خىزمىتىڭگە سالساڭ، جان دىلىم بىلەن خىزمەت قىلىپ، ۋەتەن خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلىغان بولاتتىم.
كۈتتۈغدى ئىلىگى «ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلغان ئادىمىمنى ئەمدى تېپىپتىمەن» دەپ ئويلاپ، ئايتولدىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى.
— سەن ماڭا يارىدىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا يېقىن تۇرۇپ ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمىتىمنى قىل. تۆھپە كۆرسەتسەڭ مەندىنمۇ ئېھسانلارنى ئالىسەن، خىزمىتىڭ جايىدا بولسا، ئەجرىڭگە مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن، — دېدى كۈتتۈغدى ئىلىگى.
ئايتولدى كۈتتۈغدى ئىلىگىگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، خۇشال ھالدا ئوردىدىن چىقتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئايتولدى جان - دىلى بىلەن ئەلنىڭ خىزمەتىگە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئىشلارنى سادىقلىق بىلەن ئادىل قىلاتتى. ئۇ خىزمەتتە كۈنمۇكۈن نەتىجە يارىتىۋاتاتتى. ئىلىگمۇ ئۇنىڭغا ياخشى كۆزدە قارىدى، غەمخورلۇق قىلىپ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ تۇردى. كۆپ جەھەتلەردىن سىناپ كۆرۈپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى خادىمدىن بىرگە ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.
شۇنداق ئوغلۇم، ئادەم قانداق يەردە خىزمەت قىلسۇن، ياخشى خىزمەت قىلغان ئادەم قەدىرلەشكە ئېرىشىدۇ. ئۇتۇقلۇق خىزمەت بىلەن تۆۋەن ئورۇندىكى كىشىلەرمۇ ئۇلۇغ سانىلىدۇ. دۇنيادا ھېچكىم ئەمگەكسىز، مېھنەتسىز مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ. ئۇتۇقلۇق خىزمەت قىلغان كىشى تۆردىن ئورۇن ئالىدۇ، يارامسىز ئادەم ھەر قاچان پەگادا قالىدۇ.
3. بەخت خىسلەتلىك ئايتولدىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغانلىقى
بىر كۈنى كۈتتۈغدى ئىلىگ ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئايتولدى بىلەن سىردىشىشنى كۆڭلى خالاپ قالدى. ئۇنى چاقىرتقۇزۇۋېدى، ئايتولدى خۇشال ھالدا ئوردىغا كىرىپ كۈتتۈغدىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى. ئىلىگ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئورۇن كۆرسەتتى.
ئاجايىپ ئىش، ئايتولدى ئىلىگ كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇرماستىن، يېنىدىن بىر توپنى چىقىرىپ تېگىگە قويۇپ ئولتۇردى، ئىلىگ بۇ ئىشتىن ھەيران قالدى. ئىلىگ گەپ قىلىۋېدى، ئايتولدى جاۋاب بەرمەستىن كۆزىنى يۇمۇۋالدى، ئىلىگ يەنە گەپ ئاچتى، بۇ چاغدا ئايتولدى يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. ئايتولدىنىڭ بۇ بولمىغۇر قىلىقلىرى كۈتتۈغدى ئىلىگنى غەزەپلەندۈردى:
— ئەي ئايتولدى، نېمە بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىسەن، ئۆزۈڭنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ، ئالدىراپ ساڭا قول بېرىپ قويۇپتىمەن — ھە! دانىشمەنلەر شۇڭا: ئالدىراپ قىلغان ئىش خام قالىدۇ، چالا پىشقان ئاش قورساقنى ئاغرىتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن. ماڭا كۆرسەتكەن نېمە ئويۇنلىرىڭ بۇ؟
— ئەي ساخاۋەتلىك ئالىيلىرى، — دەپ ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئايتولدى، — غەزەپ ئوتۇڭنى ئۇنچە لاۋۇلداتما، نېمە گۇناھىم ئۈچۈن بۇنچە چېچىلىسەن؟
كۈتتۈغدى ئىلىگ ئايتولدىدىن ھېلى قىلغان ھۆرمەتسىز قىلىقلىرىنىڭ مەنىسىنى سورىدى ۋە كايىپ كەتتى.
ئايتولدى كۈلۈپ كەتتى ۋە يۇقىرىقى نورمالسىز ئىشلىرىنىڭ سىرىنى يېشىپ بەردى:
— ئالىيلىرى، مەن يۇقىرىقى قىلىقلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدىم. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆزۈمنىڭ (بەخت - سائادەتنىڭ) مىجەز - خۇلقىنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. ئالىيلىرى كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇرماي، توپنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقىمنىڭ سەۋەبى، ئۆزۈمنىڭ توپقا ئوخشاش يۇمىلاق شەكىللىك، بىر ئورۇندا مۇقىم تۇرمايدىغان ئادىتىمنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. ماڭا كۈلۈپ قارىغىنىڭدا كۆزۈمنى يۇمۇۋالغانلىقىم، بەخت دېگەن خۇددى قارىغۇغا ئوخشاش كىم قولىغا پۇتلاشسا شۇنىلا تۇتىدۇ، دېگەندىن بېشارەت ئىدى. قايتا سۆز ئاچقىنىڭدا يۈزۈمنى ئۆرۈۋالغىنىم، ماڭا (بەختكە) كۆپ ئىشىنىپ كەتمە، ئۇ تۇراقسىز، تېزلا يۈز ئۆرۈيدۇ، دېگىنىم ئىدى.
كۈتتۈغدى ئىلىگ بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: — توغرا سۆزلەپ گۈناھىڭنىڭ ئۆزرىسىنى ئېيتىپ ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇردۇڭ، ئەمدى ماڭا ئېيتقىن، بەخت قانداق پەزىلەتلەرگە ئىگە؟ ئۇنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلىرى بار؟ — دەپ سورىدى. — ئالىيلىرى، كىشىلەرنىڭ بارلىق ئارزۇ - ئارمىنى بەختكە ئېرىشىش، شۇڭا ئىنسانلار شۇ بەختنى يارىتىش ۋە شۇ بەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. چۈنكى، بەختنىڭ مىجەزى مۇلايىم، سۆيۈملۈك. بەخت قەيەردە بولسا ھۇزۇر - ھالاۋەت شۇ يەردە بولىدۇ، مېھنەت، مۇشەققەت بەخت بار يەردىن قاچىدۇ. كىم بەختكە ھۆرمەت قىلسا ئۈمىدىنى تاپىدۇ، ئەگەر بەخت بىلەن قارشىلىشىدىكەن ياكى بەختنىڭ ئادىتىگە خىلاپ يول تۇتىدىكەن ۋەيران بولىدۇ.
— بەختنىڭ ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم، ئەمدى ئېيتىپ بەرگىنە، بەختنىڭ قانداق ئەيىب - نۇقسانلىرى بار؟ — دەپ سورىدى كۈتتۈغدى ئىلىگ.
— ئالىيلىرى، بەختتە ئەيىب يوق، — دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى، — لېكىن بەزى كىشىلەر ئەيىبى بار دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلار بەختنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن ئاغرىنىپ بەختتىن يامانلايدۇ. ئەسلىدىن ئالغاندا تۇراقسىزلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىب ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن يېڭى نەرسە ئىزدەپ يۈرۈيدۇ ھەم يېڭىلىنىپ تۇرۇشنى خالايدۇ، پۈتۈن تەم - لەززەت، خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر يېڭىدا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! كونا، ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەردە نېمە لەززەت بولسۇن! كىشىلەرنىڭ ئىزدەيدىغىنىمۇ شۇ لەززەتقۇ؟! يېڭى نەرسىنىڭ ئالدىدا كونا نەرسىنىڭ نېمە كېرىكى بولسۇن، ياخشى نەرسىلەر تۇرغان يەردە يامان نەرسىنىڭ نېمە لازىمى!
تەنبىھ: يېڭى شەيئى يېڭىلەمستۇر
ئەي پەرزەنت، يېڭىلىق ئىزدە ھەم ئۆزۈڭنى يېڭىلا. ئالەم پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىشى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. ئىنسانلار ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى، تۇرمۇشىنى، ئېڭىنى يېڭىلاپ تەرەققىي قىلىپ كېلىشتى. ئىنسانىيەت تارىخى جەريانىدا كونا سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئورنىغا يېڭى سىياسىي تۈزۈم، كونا، قالاق قانۇننىڭ ئورنىغا يېڭى، ئىلغار قانۇن، كونا مەدەنىيەت كۆزقارىشىنىڭ ئورنىغا يېڭى مەدەنىيەت كۆزقارىشى، كونا ئاڭنىڭ ئورنىغا يېڭى ئاڭ، كونا شەيئىنىڭ ئورنىغا يېڭى شەيئى ئالمىشىپ تۇردى. بۇنداق ئالمىشىش ۋە يېڭىلىنىش ھازىرغىچە بىرەر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق. چۈنكى، بۇنداق بولۇشنى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى، ئىنتىلىشىدىكى، ئېھتىياجىدىكى يېڭىلىنىشنىڭ، ئۆزگىرىشنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى جەھەتتىكى مۇئەييەن قانۇنىيەت بەلگىلىگەن. كىشىلىك تۇرمۇشقا نەزەر سالغىن، جۈل - جۈل كىيىمنى دەستەك
قىلىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن دىۋانىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭى كىيىم كىيىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى خالىمايدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. يېڭى نەرسىلەر كىشىلەرگە يېڭى تۇيغۇ، يېڭى ھۇزۇر ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنسانىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزلىرىنى يېڭىلاپ تەرەققىي قىلمىغاندا ئىدى، ھازىرمۇ تېخىچە تاش قورال دەۋرىدە تۇرغان بولاتتى. شۇڭا، تەرەققىي قىلىش، ئۆزىنى يېڭىلاش كىشىلەرنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى.
ئوغلۇم، شۇنى بىلگىنكى، بىر قەدەم بولسىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىگىن، ھەرگىز بىر ئىزدا توختاپ قالما. قەدىمىڭ يېڭىلانمىسا بىر مېتىرمۇ ئىلگىرىلىيەلمەيسەنغۇ، قۇياش كۈنىگە يېڭىلىنىپ تۇرمىسا ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولىدىغۇ. تۈنۈگۈنكى كۈنۈڭدىن بۈگۈنكى كۈنۈڭ ياخشى بولسا، بۈگۈنكى ئىشىڭدىن ئەتىكى ئىشىڭ قۇتلۇق بولسا، بىرىنچى قەدىمىڭدىن ئىككىنچى قەدىمىڭ ئۇتۇقلۇق بولسا ئاندىن روناق تاپسىن.
— بەختنىڭ تۇراقسىز بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇقتۇم، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلگى، — بەخت قۇش بولۇپ بىراۋنىڭ بېشىغا قونۇپ بولۇپ، يەنە ئۇچۇپ كەتكەن بولسا، قايتا كېلىپ قونۇش ئىمكانىيىتىمۇ بارمۇ؟
— توغرىسىنى ئېيتقاندا، بەختنىڭ خۇيى كېيىنكىگە ئوخشايدۇ، ئىزدىگەن تېز ئېرىشەلمەيدۇ، ئەگەر قېچىپ كەتسە ھەرگىز تېز تۇتۇۋالالمايدۇ. ئەگەر بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەر ئۇنى مەھكەم تۇتۇشنى بىلسىلا، بەخت ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىنىڭ بېشىدىن ئۇچۇپ كەتمەيدۇ.
— ئۇنداق بولسا، بەختنى قولدىن بەرمەي مەھكەم تۇتۇشنىڭ
چارسى نېمە؟ — دەپ سورىدى ئىلگ.
— بەختىنى مەھكەم تۇتالايدىغان، قاچۇرۇپ قويمايدىغان مۇنداق بىر قانچە ئىش بار ئالىيلىرى. بەختكە ئېرىشكۈچى ئادەمنىڭ مەجەزى مۇلايىم، كەمتەر، ئىللىق سۆزلۈك بولۇشى كېرەك، كىچىككىنە ھالاۋەتنى كۆرۈپلا ھەددىدىن ئاشماسلىقى، ئۆزىنى ئوبدان كۆزىتىپ يۈرۈشى، يامان ئىشلارغا يېقىن بارماسلىقى لازىم. يەنە بىرى، مال - دۇنيانى كەلسە - كەلمەس بۇزۇپ چاچماسلىقى، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىقى كېرەك. چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى، كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى كېرەك. تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى بوزەك قىلماسلىقى، ھەددىدىن ئارتۇق ئويۇن - تاماشىغا بېرىلمەسلىكى شەرت. كىشى مانا شۇنداق قىلالماسلىقى بەختىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ھەم ئۇنى قاچۇرۇپ قويمايدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى.
تەنبىھ: بەخت
ئايتولدىنىڭ جاۋابلىرى دۇرۇس ئوغلۇم، بەخت دېگەن ناھايىتى كۆپ بەدەل بېرىش، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى چېكىش، مېھنەت قىلىش، ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان قۇش. شۇڭا، بەخت ئىزدەش ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئىنتىلىشى ئىكەن، بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ بەخت. بەخت ئۈچۈن كۈرەش قىلماسلىق بەختسىزلىك ۋە ئەقىلسىزلىق. شۇنچە تەستە قولغا كەلتۈرگەن بەخت قۇشىنى توغرا يولدا ماڭماي تېزلا قولدىن چىقىرىپ قويۇشمۇ ئوخشاشلا بەختسىزلىك ۋە ئەقىلسىزلىقتۇر. بەختىنى قۇرۇق خىيال سارايلىرىڭدىن ئىزدەپ ئاۋارە بولماي، مېھنەت بېغىڭدىن ئۈزىدىغان شېرىن مېۋە دەپ بىلگىن، ئوغلۇم.
ئەمدى يەنە كۈتتۈغدى ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىشىنىڭ سۆھبىتىگە قايتايلى:
ئايتولدىنىڭ بەختىنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىغان ئىلىگ يەنە سوئالىنى داۋاملاشتۇردى: — دۇرۇس سۆزلىدىڭ ئايتولدى، ئەمدى مېنى خەۋەردار قىل، سېنىڭ نامىڭ نېمە ئۈچۈن «ئايتولدى» دەپ ئاتالغان؟
— ئەي پاراسەتلىك ئىلىگ ئالىيلىرى، — دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى، — مېنىڭ (بەختىنىڭ) مىجەز - خۇلقۇم ئايغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، دانالار ئېتىمىنى «ئايتولدى» دەپ قويۇشقان. ئاي دەسلەپ بەك كىچىك تۇغۇلىدۇ، كۈنسېرى چوڭىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ھەم تولۇن بولۇپ جاھاننى يورۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىچىكلەشكە مېڭىپ بارا - بارا يوقىلىپ كېتىدۇ. مەن تولۇن بولغاندا ھەر قانچە كۆرۈمسىز ئادەمنىڭ يۈزىگە باقساممۇ ئۇنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ كېتىدۇ، شۆھرىتى ئاشىدۇ. ئۇ كىشى بېيىپ مەقسەتكە يەتكەندە ئەگەر ھەددىدىن ئاشسا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىمەن - دە، ئۇنىڭ شان - شۆھرىتىنىڭمۇ قۇيرۇقىنى قۇم باسىدۇ، مال - دۇنياسىمۇ سورۇلۇپ، بۇرۇنقى گادايلىق ئەھۋالىغا يانىدۇ. مېنىڭ ئادىتىم شۇنداق بولغاچقا نامىنى مەنىلىك قىلىپ «ئايتولدى» دەپ ئاتاشقان.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ ئايتولدىغا بولغان ئىشەنچى ئاشتى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال - دۇنيا، ئالتۇن - كۈمۈش ئىنئام قىلدى. ئۇلار كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى يوشۇرماي دېيىشىدىغان سىرداشلاردىن بولۇپ قېلىشتى.
4. كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ ۋەھىمىلىك بېشارەتلەر بىلەن ئايتولدىنى ھەيران قالدۇرغانلىقى
قۇياش خىسلەتلىك كۈتتۈغدى ئىلىگ بىر كۈنى يەنە يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىكىش ھېس قىلدى. ئۇ ئايتولدىنى ھۇزۇرىغا چاقىرىتتى.
ئايتولدى كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ قول باغلاپ ئۆرە تۇردى. ئىلىگ بولسا زۇۋان سۈرمەي بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن، كۆز ئىشارىتى بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى ئولتۇرۇپ بولۇپ، يەر تېگىدىن ئىلىگنى كۆزىتىۋېدى، ئاجايىپ سۈرلۈك ۋە دەھشەتلىك ئالامەتلەرنى كۆردى.
كۈتتۈغدى ئۈچ پۇتى چېتىقسىز كۈمۈش تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، قولىدا يوغان بىر خەنجەر تۇتۇقلۇق ئىدى، ئۇنىڭ ئوڭ يېنىغا شېكەر، سول يېنىغا زەھەر تولدۇرۇلغان قاچا قويۇلغان ئىدى. ئۆزىنىڭ بولسا قاش - قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ئىدى. ئايتولدىنىڭ بۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، ۋۇجۇدىنى تىترەك باستى.
— مېنىڭ يالغۇز ئولتۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە نېمىگە گەپ قىلماي ئولتۇرىسەن، قېنى گەپ قىلغىن، — دېدى كۈتتۈغدى ئىلىگ.
— ئەي ساھىبقىران، مەندە ھازىر سۆزلىگۈدەك مادار نەدە بولسۇن، — دېدى ئايتولدى تەشۋىش ئىچىدە، — بۈگۈن ئالىيلىرىدا ئاجايىپ سىرلىق بىر ھالەتنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. بۇ ھال مېنى ئەيمىندۈرۈپ، تىلىمنى تارتىشقا مەجبۇر قىلدى. دانىشمەنلەرنىڭ: «بەگلەر غەزەپلىك ھالدا ئۇنىڭغا يېقىن بارما» دېگەن ساۋىقى يادىمدا.
— خوش، ئىجازەت بەردىم، — دېدى ئىلىگ كۈلۈپ كېتىپ، — گېپىڭنى ئېيت.
— ئالىيلىرى، — دېدى سەل جانلانغان ئايتولدى، — مېنى ھاڭ — تاڭ قالدۇرغىنى، بۈگۈن ئۈچ پۈتى چېتىقسىز كۈمۈش كۆرستا ئولتۇرۇپسەن، بۇنداق تەختتە ئولتۇرۇش ئالىيلىرىغا مۇناسىپ كەلمەيتتى. يەنە قارىسام قولۇڭدا خەنجەر تۇرىدۇ، ئوڭ يېنىڭغا شېكەر، سول يېنىڭغا زەھەر تولدۇرۇلغان قاچا قويۇۋاپسەن، بۇنىڭ سىرى نېمىكىن؟ يەنە بىرى ئىنتايىن غەزەپلىك ئولتۇرۇپسەن، شۇڭا گەپ قىلىشقا قانداق پېتىناي.
— ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سال، بۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرەي، — دېدى ئىلىگ، — بۇ ئىشلار ئۆزۈمنىڭ ئوخشىشىنى ساڭا ئۇقتۇرۇش ئىدى. مەن دېگەن ئادالەت ۋە قانۇن، ئادالەتلىك قانۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بۇ ئالامەتلەردىن كۆرسەتتى. مەن ئولتۇرغان بۇ كۆرس ئۈچ پۈتلۈق. بىلگىنكى، ئۈچ پۈتلۈق نەرسىلەر قىڭغايمايدۇ، ئۈچ پۈتى تۈز ھەم مەھكەم تۇرىدۇ. ئەگەر ئۈچ پۈتىنىڭ بىرى قىڭغىيىپ كەتسە، قالغان ئىككى پۈتىمۇ قىڭغىيىپ كېتىدۇ — دە، ئولتۇرغان ئادەم يىقىلىدۇ. ھەر قانداق ئۈچ ئاياغلىق نەرسىلەر توغرا، تۈز بولىدۇ. تۈز نەرسىلەر ئۈز بولىدۇ، بارلىق تۈز نەرسىلەرنىڭمۇ ئۈز ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. مايماق نەرسىلەر سەت، كۆرۈمسىز بولىدۇ. قانۇننىڭ ئادىتىمۇ تۈز بولۇش، ئېگىلمەسلىك. قانۇن ئىشلارنى ئادالەت بىلەن بېجىرىدۇ، كىشىلەرنى يۇقىرى — تۆۋەن دەپ ھەرگىز ئايرىمايدۇ. قولۇمدىكى بۇ خەنجەر كېسىش قورالىدۇر، مەن ئالدىمغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى پىچاقتەك كېسىپ، كېسىم قىلىپ بېرىمەن، ئۇلارنى ھەرگىز ساقلىتىپ بىتاقەت قىلمايمەن. شېكەرنىڭ مەنىسى شۇكى، زۇلۇم تارتقان بىرى ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئالدىمغا كىرسە، مېنىڭ ئادالىتىمدىن چېھرى ئېچىلىپ خۇددى شېكەر يېگەندەك لەززەتلىنىپ قايتىدۇ. سول يېنىمدا
بورغان رەھەرىيە مەنىسى سونى بىلەن يېزىپ چېرىپ. زوراۋانلىق قىلغانلار، خەلقنى قاقشاتقانلار ئالدىمغا كەلسە مېنىڭ رەھىمسىز ھۆكۈمەت راز زەھەر يېگەندەك قايتىشىدۇ. بەشىرەمنىڭ تۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەنىسىمۇ قانۇنسىزلىق قىلغان زوراۋانغا بولغان يۈزسىزلىكىمنىڭ، رەھىمسىزلىكىمنىڭ نىشانىدۇر. مەن ھۆكۈم قىلغاندا ھەرگىزمۇ ئىككى خىيال بولمايمەن. چۈنكى، قانۇن ئالدىدا ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقانلىرىم بولسۇن، يولۇچى، مۇساپىرلار بولسۇن ھەممىسى باراۋەر.
تەنبىھ: ئادالەتنى، قانۇننى قوغدا
ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار، كۈتتۇغدى ئىلىگىنىڭ دېگەنلىرى ھەق، دۆلەتنىڭ ئاساسى — ئادالەت. دۆلەتتە ئادالەتلىك قانۇن يولغا قويۇلغاندىلا خەلق تىنچ، خاتىرجەم، باياشات ھايات كەچۈرەلەيدۇ. شۇڭا، توغرا، ئادىل بولغان قانۇننى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، توغرا، ئادىل قانۇننى جان تىكىپ قوغداش كېرەك. ئادالەتلىك قانۇن ياخشى كىشىلەرنى يۆلەيدۇ، يامان كىشىلەرنى رەھىمسىز جازالايدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئەل راۋاج تاپىدۇ.
ئايتولدى سوئالنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى: — ئادالەتلىك ئالىيلىرى، ئىسمىڭنى نېمە ئۈچۈن «كۈتتۇغدى» دەپ قويغان؟ — ئالىملار مېنىڭ ئادەتلىرىمنى كۈنگە ئوخشىتىپ «كۈتتۇغدى» دەپ ئاتىغان. كۈن دېگەن ھەر دائىم تولۇپ تۇرىدۇ،
ھەرگىز كىچىكلەپ كەتمەيدۇ، پۈتۈن جاھاننى يۈرۈتسىمۇ يۈرۈقى كەملەپ كەتمەيدۇ. قانۇنمۇ شۇنداق، قۇياشقا ئوخشاش پارلاپ ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، ئادالەت نۇرى ھەرگىزمۇ كەملەپ كەتمەيدۇ. يەنە بىرى، قۇياش كۆتۈرۈلگەندە ئېگىز تاغ، چوڭقۇر ئېدىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش يۈرۈتىدۇ. بارچە جانلىقلار ئۈنىڭدىن نۇر ئالىدۇ. مېنىڭ قانۇنۇممۇ شۇنداق، بارچە خەلق ئۈچۈن ئادالەت نۇرۇمنى تەكشى چاچىمەن، لېكىن يوقىلىپ كەتمەيمەن. ئۈچىنچى، كۈن چىقسا زېمىن ئىللىيدۇ، تۈمەن خىل گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ، زېمىن يۈزىنى گۈلسىتانغا ئايلاندۇرىدۇ. مېنىڭ قانۇنۇممۇ شۇنداق، قايسى ئەلگە يېتىپ بارسا، ئۇ ئەل ھەر قانچە قورام تاشلىق بولسىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، مېنى «كۈنتۇغدى» دەپ ئاتىغان.
— ئەي ئادالەتلىك قانۇن، ئۇنداق بولسا سېنىڭ تەبىئىتىڭگە سىغمايدىغان، سىنى ئۆزى بىلەن ئۆچەكشتۈرۈپ قويىدىغان ئىشلار قايسى؟ ئېيتىپ بەرگەن بولساڭ، — دەپ سورىدى ئايتولدى.
— ئەي مەرد ئوغۇل، ئەگەر مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن، مېنىڭ تەبىئىتىمگە مۇخالىپ ئىشلاردىن نېرى تۇرغايسەن. بىرىنچى، مەن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىقنى سىغدۇرالمايمەن. ئىككىنچى، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغاننى، ئاجىزلارنى بوزەك قىلغاننى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. ئۈچىنچى، ئاچ كۆز، نەپسانىيەتچى، تەمەخور تويماسلارنى، ئالدىراڭغۇ، تەتتەك، ئاچچىقى يامانلارنى، ئوغرى، قاراقچى، پارىخورلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. تۆتىنچى، ھارامخور، زىناخور پاسقلارنى تېخىمۇ يامان كۆرىمەن. يۇقىرىقىلار مېنىڭ كۆزۈمگە ئىنتايىن سەت كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقلارغا ھەرگىزمۇ مېھىر - شەپقەت قىلمايمەن. ئەگەر ئۇلار ماڭا يارىماق بولىدىكەن، يۇقىرىقىدەك ئىللەتلىرىدىن قول ئۈزمىكى لازىم.
— ئۇنداق بولسا ئالىيلىرى، قانۇن ياخشى كۆرىدىغان، قانۇن قوغدايدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەل قايسى؟ — دەپ سورىدى ئايتولدى يەنە.
— ماڭا ياقىدىغان، مەن قوغدايدىغان ئىش شۇكى، ۋەتەن، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، زىيان سالماسلىق، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ياشاشنى ھاياتنىڭ سەرمايسى قىلىش، خەلققە قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن بەدەل تەلەپ قىلماسلىق، ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتماسلىق، دۇرۇسلۇق بىلەن ياشاش، — دەپ جاۋاب بەردى ئىلىگ.
ئايتولدى يەنە سورىدى: — ئەي ئادالەت ئىگىسى، سەن ئېيتقان دۇرۇسلۇق دېگەن زادى قانداق بولىدۇ؟
— دۇرۇسلۇق دېگەن شۇنداق نەرسىكى، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولسا، ئىچى تېشى بىلەن، تېشىمۇ ئىچى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئەل - جامائەت ئالدىدا يۈرىكىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ ئۇياتماي يۈرەلىسە، مانا شۇنداق كىشىنى دۇرۇس كىشى دېسە بولىدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ قەلبى پاك، بىغۇبار بولىدۇكى، ھەرگىز مەككارلىق قىلمايدۇ، ئالدامچىلىق، بۇزۇقلۇق، خىيانەتنى خالىمايدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ يۈرىكى ئادالەت، ھەققانىيەت، ياخشى خىسلەتلەر ئۈچۈن سوقىدۇ. ۋۇجۇدى پاك بولغان ئادەمنىڭ يۈزى يورۇق بولىدۇ، يۈزى يورۇق ئادەم جامائەت ئالدىدا ئۇياتماي، دادىل قەدەم تاشلاپ ماڭالايدۇ. ئەكسىچە، كاللىسى قەبىھ خىياللار بىلەن تولغان ئادەم ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك دېگەندەك تەشۋىشتىن خالىي بولالمايدۇ.
تەنبىھ: ئۆزۈڭ ياخشى بول، ياخشىلارغا قېتىل
مۇغلۇم، ئادالەت ۋە قانۇن ئىگىسى بولمىش شاھ كۈتتۈغدىنىڭ
جاۋابلىرىنى ئاڭلىدىڭ. شۇنداق، دۇرۇس ياشا، دۇرۇس ياشىساڭ بەختلىك ياشىيالايسەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلار بىلەن ئارىلاشقىن. ياخشىلار ماڭغان يولدا ماڭساڭ توغرا قىلغان بولسەن، ئۆزۈڭنىمۇ بۇلغىمايسەن. ئەگەر يامانلارغا يېقىن بولۇپ قالساڭ ئۆزۈڭگە قارا يۇقتۇرۇۋالسەن. ياخشى ئادەملەر ھەر قاچان يامانلاردىن قاچىدۇ. ياخشىلارغا يامانلىق قىلما، ياخشىلارغا يامانلىق قىلىش يامانلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ، يامانلارغا مېھىر - شەپقەت قىلىش ياخشىلارغا يامانلىق كۆزلىگەنلىك بولىدۇ. ئوغلۇم، ياخشىلىق قىلىش يۇقىرىغا ئۆرلىگەندەك ئېغىر، يامانلىق قىلىش پەسكە دومىلىغاندەك ئوڭاي بولىدۇ.
ئايتولدى ئىلىگە يەنە سوئال قويماقتا ئىدى: — ئەي ئادالەت ئىگىسى، بەزىلەر ياخشىلىقتىنمۇ قۇسۇر ئىزدەيدۇ، ياخشىلىقتىنمۇ قۇسۇرى بولامدۇ؟ — ياخشىلىق بۇ دۇنيادا ھەر قاچان ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. بىراق، يامان ئادەملەر ياخشىلىقنى بىر قۇسۇر دەپ بىلىدۇ. چۈنكى، ياخشىلارنىڭ ئارىسىدا يامانلارغا كۈن يوق، ياخشىلار ھامان غالىب، يامانلار ھامان مەغلۇپ. شۇ سەۋەبتىن يامانلار ياخشىلارنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارغا قەست قىلىپ، ياخشىلارنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەك بولىدۇ. يامانلىق بولسا قاراڭغۇلۇق، جاھالەتنىڭ دوستى، ئۇ يورۇقلۇق بىلەن دوست بولالمايدۇ. شۇنى بىلگىنكى، بۇ دۇنيادا ياخشى بىلەن يامان ھەر قاچان مەۋجۇت. بىراق، يامانلىق قىلغۇچى نەگە بارسا زىيان تارتقۇچى، ياخشىلار نەگە بارسا پايدىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئەلگە ياخشىلىق قىلىش، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، ئۆزۈڭنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن يول ئاچقانلىقىڭ بولىدۇ. يامانلىق بۈگۈن ساڭا پايدىلىقتەك
كۆرۈنسە ئالدىنىپ قالما، چۈنكى، ئەتە تارتىدىغان زىيىنىڭ بۈگۈن يامانلىق قىلىپ ئېرىشكەن پايداڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، ياخشىلىقنى ھاياتىڭنىڭ سەرمايسى قىلغىن. ياخشىلىق بۇ دۇنيادا ساڭا ئەڭ ياخشى، كۆركەم لىباس بولالايدۇ. كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلىغان ئايتولدىنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر نازۇك سوئال تۇغۇلدى:
— ئەي ئىلىگ، ماڭا مۇنۇ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشىپ بەرگەن بولساڭ، ياخشى ئادەمنىڭ يامانغا ئۆزگىرىپ كېتىشى، يامانلارنىڭمۇ ياخشىلارنىڭ يولىدىن مېڭىشى مۇمكىنمۇ؟
كۈتتۈغدى ئىلىگ بۇ سوئالنىڭ سىرىنى مۇنداق يەشتى: — ياخشى ئادەم ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى، ئانىدىن تۇغۇلۇشى بىلەنلا تەبىئىتىدە ياخشىلىق ئالامەتلىرى پارلىغان بالا. ئۇنداق ئادەم ئۆمۈر بويى دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدۇ. يەنە بىر خىل ياخشى كىشىلەر باركى، ئۇلار باشقىلارنى دوراش، ئۇلاردىن تەسىرلىنىش، ئۈلگە ئېلىش ئارقىلىق ياخشى ئادەتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىدۇ. ئۇنداق كىشىلەر يامانلارغا ئارىلىشىپ قالسا يامان يولغىمۇ كىرىپ قالىدۇ. يامان ئادەملەرمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئانىدىن تۇغۇلۇشى بىلەنلا تەبىئىتىدە يامانلىق بولغان كىشىلەر، ئۇنداق ئادەمنىڭ يامانلىق كىرىنى ئۆلمىگۈچە تازىلاپ يولغىلى بولمايدۇ، تېزىنى ئېيتسا مېزى چىقىدۇ. بەزىلەر يامانلارنى دوراپ، يامانلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىپ، يامانلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئەسكى يولغا كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ياخشىلارغا قوشۇلسا، ياخشىلار بىلەن دوستلۇق ئورناتسا ياخشى يولغا كىرىدۇ.
تەنبىھ: ياخشىلارنى قوللا
ئەي ئەقىللىق بالىلىرىم، يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشلەرنى
ئاڭلىدىڭلار. توغرا، ياخشىدىن ئەلگە نۇسرەت، ياماندىن ئەلگە ئاپەت ياغىدۇ. كونىلار «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دەپتىكەن، يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەبمۇ بار. دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈمى، سىياسىتى ياخشى بولسا خەلقنىڭ يۈرۈش - تۈرۈشلىرىمۇ ئۆز، قىلغان ئىشلىرىمۇ ئەدەپ - قائىدىلىك بولىدۇ. خەلققە باش بولغۇچى ئەمەلدارلار ياخشىلارنى قەدىرلىسە، ياخشىلارغا مۇۋاپىق ئورۇن بەرسە، يامانلارمۇ ئۆزىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ، ئەگەر ئەلنىڭ كاتتىلىرى يامانلارغا يېقىن بولۇپ، يامانلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىكەن، يامان - ئەسكىلەرنىڭ كۈنى تۈغۈلىدۇ، يامانلار باش كۆتۈرگەن جايدا ياخشىلارغا كۈن يوق.
ئايتولدى يەنە سوئال سوراشقا باشلىدى: — ئالىيلىرى، ياخشى كىشىلەرنى ھەممە ئادەم ياخشى دەپ ھۆرمەتلەيدىكەن ھەم ئۆزىمۇ ياخشى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىراق ئۇنداق ياخشىلىققا قانداق قىلغاندا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ — ئەي ئەقىل ئىگىسى، ياخشىلىق دېگەن ئەڭ ئېسىل پەزىلەتنىڭ ئېتى. ئۇنداق ياخشىلىق ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىك، ياراملىق ئادەملەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. چۈنكى، دۇنيادا نېمە ئەڭ ئېسىل بولسا، ئۇ ئەڭ قىممەتلىك بولىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ مۇشەققەت چەكمىگۈچە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ئەڭ قەدىر - سىز نەرسە يامانلىق. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنى خارلىق توپىسىدۇر.
تەنبىھ: سېنى ياخشى كۆرگەنلەرنى سەنمۇ ياخشى كۆرگىن
گۈلۈم، ياخشىلارنى قەدىرلەشنى، ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى
بىل، سەن ئۈچۈن ياخشىلىق تىلىگەن، ساڭا بەخت كۆزلىگەن، سەن ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى سۆيگىن. سەن باشقىلارنى سۆيسەڭ، سەنمۇ باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلسەن. ئۆزۈڭمۇ باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى پىدا قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە ئادەتلەنگىن. ياخشىلىق قىلغۇچىمۇ ئۆزگە قىلىدۇ، يامانلىق قىلغۇچىمۇ ئۆزگە قىلىدۇ. بۇنى ھەرگىز ئېسىڭدىن چىقارما.
ئايتولدى:
— ئالىيلىرى، سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا خىزمەت قىلىش كىشى ئۈچۈن بەخت. شۇڭا، ئەقىللىقلارمۇ: خىزمەت قىلساڭ ئەجىر — ئەقىدەڭنىڭ قەدرىگە يېتەلەيدىغان كىشىنىڭ خىزمىتىنى قىل، دېگەن ئىكەن، — دەپ تەزىم قىلىپ كۈتتۈغدى ئىلىگىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى.
شۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، ئايتولدى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ ئەلنىڭ خىزمىتىنى شۇنداق كۆيۈنۈپ قىلىشقا باشلىدى. ئەلمۇ ئايتولدىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ۋە قەدىرلەيتتى. شۇ تەرىقىدە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.
بىر كۈنى كۈنتۈغدى ئىلىگى ئايتولدىنى چاقىرتىپ كەلدى. ئادىتى بويىچە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى گەپ قىلماستىن يەرگە قاراپ ئولتۇردى.
— ئايتولدى، قېنى گەپ قىلماسەن، — دېدى كۈنتۈغدى ئارىلىقتىكى جىملىقنى بۇزۇپ، — نېمە بولدۇڭ، نېمىشقا شۈك ئولتۇرىسەن؟
— ئەي بەگلەرنىڭ بېگى، ئالىيلىرى ئىجازەت بەرمەي تۇرۇپ سۆزلەشكە نېمە ھەددىم. گەپ سورالماستىن ئاۋۋال قانداقمۇ سۆز ئاچاي. بىلىملىك كىشىلەر تەربىيە قىلىپ: سورالماستىن ئاۋۋال سۆزلىمە، كىم چاقىرغان بولسا، شۇ ئاۋۋال گەپ قىلسۇن، كىمدەكىم باشقىلار گەپ سورىماستىنلا سۆزلەپ كەتسە، ئۇ ھايۋاننىڭ ئىشى بولۇپ قالىدۇ، دېيىشكەنغۇ.
— سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم، — دېدى ئىلىگى، — تىرىك ئادەم سۆزلىمەي مۇمكىنمۇ، پەقەت مۇنداق ئىككى ئادەملا سۆزلىمەيدۇ ھەم سۆزلىمەيدۇ. بىرى گاچا، يەنە بىرى نادان، گاچىنىڭ تىلى يوق، نادان بولسا تىلىغا ھېزى بولمىسا بېشىغا چىقىدۇ. بىلىملىك ئادەمنىڭ سۆزى ئاقار بۇلاققا ئوخشاش كەملەپ كەتمەيدۇ. يەرنى سۇ سۇغارسا ھەر خىل نېمەتلەر ئۈنگەنگە ئوخشاش بىلىملىكلەرنىڭ سۆزى ھاياتقا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىمسىز، نادان ئادەمنىڭ كۆڭلى خۇددى قۇم باسقان دالىدەك دەريانى باشلىسىمۇ تولمايدۇ، گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. شۇڭا، بىلىملىك ئادەم سۆزلەشكە توغرا
كەلگەندە سۆزلىشى كېرەك، تىلىنى چايناپ تۇرسا بولمايدۇ. — ئالىيلىرى، توغرا ئېيتتىڭ، ئادەم تىرىكلا بولىدىكەن گەپ قىلماي بولمايدۇ. بىراق، گەپ دېگەن سورالغاندا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەندە قىممەتلىك بولىدۇ، بولمىسا سۆزۈڭمۇ چاقىرىلمىغان مېھماندەك قەدىرسىز بولۇپ قالىدۇ. ئورۇنلۇق، پايدىلىق جايدا سۆزنى ئايماسلىق، زۆرۈرىيەت بولمىغان جايدا ئېغىز ئاچماسلىق كېرەك.
— چۈشەندىم، سۆزلىرىڭ توغرا، — دېدى ئىلگ، — ئېيتقىنا، ئۇنداق بولسا تىلنىڭ پايدىسى نېمە؟
— ئەگەر سۆزلىگۈچىنىڭ تىلى توغرا، ئورۇنلۇق، جايىدا سۆزلەنسە، تىلدا پايدا كۆپ. بىلگىنكى، تىل ئەقىل بىلەن بىلمىنىڭ تەرجىمانىدۇر. روشەن، ئېنىق بايان قىلىنغان تىل كىشىنىڭ نىيىتىنى، مەقسىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. تىل دېگەن ئىنساننىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى. ئىنسان تىلنىڭ خاسىيىتى بىلەن قەدىر - قىممەتكە ۋە ئادەملىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولالىغان. شۇڭا، خەلق تىلنىڭ خاسىيىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئەقىلنىڭ گۈزەللىكى تىل بىلەن، تىلنىڭ گۈزەللىكى سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن، كىشىنىڭ گۈزەللىكى يۈزدىن، يۈزنىڭ گۈزەللىكى كۆزدىن.» ئادەممۇ ئىككى ئىشنىڭ خاسىيىتىدىن قېرىمايدۇ. بىرى ياخشى ئەمەل، يەنە بىرى ياخشى سۆز. كۆرمىدىڭمۇ، بۇ دۇنيادىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتۈشتى، پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ياخشى سۆزلىرىنى قالدۇرغان كىشىلەرلا مەڭگۈلۈك يادلىنىپ كېلىشتى.
— تىلنىڭ پايدىسى شۇنداق كۆپ ئىكەن. ئۇنداق بولسا يامان
سۆز دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ، — دەپ سورىدى ئىلگ.
— ئەڭ يامان سۆز بىلىمسىز، نادان ئادەملەرنىڭ قۇرۇق گېپىدۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قۇرۇق گېپى بەزى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ
بېشىغا چىقىدۇ. ئادەم يامان تىلنىڭ كاساپىتىدىن خار - زارلىققىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ. تىل دېگەن بوسۇغىدا ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، تىلغا ھەزر قىلمىسا باشنى يەيدۇ. شۇڭا، كونىلار يەكۈنلىگەن مۇنۇ ئىبرەتلىك سۆزنى ئەستە تۇتۇش لازىم: «تىلىم ماڭا شۇنداق كۈلپەتلەرنى سالدى، بېشىم كەتمەستە تىلىمنى كېسەي، چىشىم سۇنماستا تىلىمغا ھاكىم بولاي.»
تەنبىھ: تىل بايلىقىڭدىن توغرا پايدىلان
ئوغلۇم، ھەر قانداق نەرسىنىڭ قىممىتى بولىدۇ. تىلنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ مەنىسىدە. مەنىسىز سۆزنى بىر چاڭگال لاي بىل. بىراق، ھەر قانداق ئەزىز، قىممەتلىك نەرسىلەرمۇ ئورۇنسىز ئىشلىتىلسە ئەسلى قەدىر - قىممىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. تىل سېنى ئەرمۇ قىلىدۇ، يەرمۇ قىلىدۇ. سۆزلىمەكچى بولساڭ سورۇن تاللاپ، مۇۋاپىق جايدا ئېنىق، ئىخچام، مەزمۇنلۇق، توغرا سۆزلەشكە ئادەتلەنگىن. زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىغان جايدا ئىمكان بار سۆزلىمە. ئۆزۈڭنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ساقلاي دېسەڭ، ھەرگىز يالغان سۆزنى ئېغىزىڭدىن چىقارما. سۆزنىڭ ئەڭ ئەسكىسى يالغان سۆزدۇر. يالغان سۆز دېگەن ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سېنى ئىشەنچسىز قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىرى سېنىڭ قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز ئىكەنلىكىڭنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. چۈنكى، يالغان سۆز كۆپ ھاللاردا قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز ئادەملەردىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا يالغان سۆزۈڭ ئۆزۈڭنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەشكە يارايدۇ. سۆزلەرنىڭ يەنە بىر ئەسكىسى پىتنە - پاسات تۇغدۇرىدىغان سۆزلەردۇر. ئۇنداق سۆزلەر ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ. قوپال، يىرىك سۆزمۇ سۆزنىڭ ئەڭ يامىنىغا كىرىدۇ. قوپال، يىرىك سۆز باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدۇ، ساڭا بولغان ھۆرمىتىنى
يوقتىدۇ. تىل دېگەن بىر دەريادۇركى، ئۇنى جايىدا ئىشلەتسە، گۈزەل بوستانلارنى سۇغارغان سۈزۈك سۈدەك كۆڭۈل بېغىغا راھەت بەخش ئېتىدۇ. سىلىق، يۇمشاق سۆزلەش مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى بولسا، قوپال - يىرىك سۆزلەش ياۋايىلىقنىڭ بەلگىسى.
كۈنتۇغدى ئىلگ بىلەن ئايتولدى تىل توغرىسىدا يەنىلا سۆزلەشمەكتە ئىدى.
— سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم، ئەي بىلىمدار، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلگ، — سۆزنىڭ، يەنى تىلنىڭ ئەسلى ئورنى نەدە، ئۇ قەيەردىن چىقىپ، نەگە بارىدۇ، بىلىملىك ئالىملار بۇ ھەقتە نېمە دېگەن؟
— ئالىيلىرى، سۆزنىڭ ئورنى تەپەككۇر ئورنى بولغان مېڭىدۇر، — دېدى ئايتولدى، — بىراق ئون سۆزنىڭ بىرى چىن، قالغان توققۇزى زورلانغان سۆز ھېسابلىنىدۇ. بۇ زورلانغان ئاش بەتتەم بولغانغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا، سۆز ئون بولسا دېيىلىدىغىنى بىر بولۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى كۆپ سۆزلىمەسلىك، تۈمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىر سۆز بىلەنلا يېشەلەيدىغان بولۇش كېرەك. تولا گەپ قىلغان ئادەم «مەمەدان» ئاتىلىدۇ، سۆزلىمەي بۇرۇقتۇرما بولۇپ، گۆشىيىپ تۇرساڭ گاچا، دۆت ئاتىلىسەن. شۇڭا، گەپ قىلماقچى بولغان كىشى مەنىلىك، ئورۇنلۇق قىلىشى، ئۇنىڭ سۆزى نادان، قارىغۇلارغا كۆز بولۇشى لازىم.
— سۆزنى قانداق ئادەملەردىن ئاڭلاش، قانداق ئادەملەرگە ئېيتىش لازىم؟ — دەپ سورىدى ئىلگ. ئايتولدى جاۋاب بەردى:
— سۆزنى بىلىملىك ئۇستازلاردىن ئاڭلاش لازىم، بىلىمسىزلەرگە دېيىش كېرەك. چوڭلاردىن لازىملىق، پايدىلىق سۆزلەرنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ، ئۆزىدىن بىلىمى تۆۋەنلەرگە ھەم ئۆزىدىن كىچىكلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى، ئادەم كۆپ سۆزلىۋېلىش بىلەن ئالىم بولالمايدۇ، بەلكى كۆپ ئاڭلاش ئارقىلىق ئىلىم تۆرىگە چىققىلى بولىدۇ. شۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگىنكى، ئادەم كېكەچ بولسىمۇ قۇلىقى ساق بولسا بىلىم ئالالايدۇ. ئەمما، پاڭ بولسا بىلىم ئالالمايدۇ ئەمەسمۇ.
كۈنتۈغدى ئىلىگ ئايتولدىدىن پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇلغان يۇقىرىقى دانا جاۋابلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللانىڭ ئۆزىگە شۇنداق ياخشى ياردەمچىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتتى. ئۇ شۇ ھاياجىنىدا خەزىنىنى ئېچىپ يوقسۇللارغا نۇرغۇن مال - دۇنيالىرىنى تارقاتتى. ئايتولدىغا تامغىنى تۇتقۇزۇپ ۋەزىرلىك خىزمىتىنى بەردى. يەنە ئۇنىڭغا تۇغ، ناغرا، ساۋۇتلارنى بېرىپ ئەلدە قولىنى ئۇزۇن قىلدى.
ئايتولدىمۇ پۈتۈن ئىشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىدى. خەلق بېيىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپتى. قانۇن - تۈزۈم تېخىمۇ روناق تېپىپ، ئەل كۈندىن - كۈنگە گۈللەندى.
تەنبىھ: ئانا تىلىڭدىن بەزمىگەيسەن
ئەي ئوغۇل، تىل دېگەن سېنىڭ ئادەملىكىڭنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئانا تىل سېنىڭ قېنىڭ ۋە جېنىڭغا ئوخشاش، تەپەككۈرۈڭ ئانا تىلىڭ بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئانا تىل ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ زېمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئالاقە ئىشلىرىنى قامداپ كەلدى. ئانا تىلىڭ شۇنچىلىك باي، ئىپادىلەش كۈچى شۇنچىلىك زور مەدەنىي تىل.
شۇ تىل بىلەن ئاجايىپ بۈيۈك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. ئانا تىلدىن ياتلىشىش، ئانا تىلدىن يىراقلىشىش ئۆزۈمىزدىن، مەدەنىيىتىمىزدىن، ئەجدادلاردىن يىراقلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئانا تىلدىن ئاينىش مىللىتىڭگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئاسىيلىقتۇر.
ئەمدى نەزىرىڭنى كېيىنكى ھېكمەتلەرگە قاراتقايسەن ئوغلۇم.
6. ئايتولدىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، بەخت قۇشىنىڭمۇ ئۇچۇپ كەتكەنلىكى
ئايتولدىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇ - تىلەكلىرى تازا پەرۋاز قىلىشقا باشلىغاندا، «نېمەتلەر تولۇق بولغاندا ئۆمۈر تۈگەيدۇ» دېگەندەك، تولۇپ تولۇن بولغان بەخت ئېيى قېرىپ كىچىكلىكىنى كۆردى، تەن ساقلىق تۈۋرۈكى يىقىلدى.
تەنبىھ: ساغلام چاغلىرىڭنى غەنىيمەت بىل
ئەي ئەقىللىق بالىلىرىم، يادىڭلاردا بولسۇنكى، ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى مەڭگۈ شۇنداقكى: ئۆرلىگەن يەنە يەرگە چۈشىدۇ، چۈشكەنلەر چىقىدۇ، يورۇغان نەرسىلەر ئۆچىدۇ، ماڭغانلار توختايدۇ. ھەر قانداق ئىش كامالەتكە يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، كامالەتكە يەتكەندە قايتىشقا يۈزلىنىدۇ. ئادەمنىڭ تىرىكلىكى غەنىيمەت، تەن ساقلىقى پۇرسەت. ئادەم قېرىغان چاغدا ئۆمۈر گۈلىستانى قىش - زىمىستانغا كىرىدۇ. پەقەت ئارمان بار، دەرمان يوق بولۇپ، كۈچ - قۇدرىتىدىن قالىدۇ، كېسەللىك چىرمىۋالىدۇ. كېسەل ئادەمگە دۇنيادىكى ھېچقانداق نەرسە تېتىمايدۇ. شۇڭا، ئادەم ئەڭ ساغلام، زېھنى ئوچۇق، كۈچ - قۇدرەتلىك چاغلىرىنىڭ قەدىر - قىممىتىگە يېتىشى لازىمدۇر.
شۇنداق قىلىپ ئېغىر كېسەللىك ئايتولدىنى كۆتۈرۈپ باستى. داڭلىق تېۋىپلار تومۇرىنى تۇتۇپ ھەر خىل دىئاگنوزلارنى
قويۇشتى. بىراق، كېسەللىك ئېغىرلىشىۋەردى. شۇنداق ئوغلۇم، ئەجەل توشقاندا ھەر قانداق خاسىيەتلىك دورىلارمۇ بۇ ئۆلۈمنى توسۇپ قالالمايدۇ.
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىنى يوقلاپ كەلدى: — ئەھۋالىڭ قانداق، كۆڭلۈڭ خېلى ئوچۇقمۇ، ئۇيقۇڭ ياخشىمۇ؟ — دەپ سورىدى شاھ.
— ئالىيلىرى، مېنى شۇنداق بىر كېسەل تۇتتىكى، ئۇنىڭ داۋاسى يوق، — دېدى ئايتولدى، — ئاي تولۇن بولغان ئىدى، يەنە كىچىكلىدى، تىرىكلىك شادلىقى مەندىن يىراقلاشقىلى تۇردى. مېنىڭ ئۆكۈنىدىغىنىم ئالىيلىرىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغان بولدۇم. ئەجەب ئىشكى، يىگىتلىك كۈنلىرى قېرىلىققا ئالماشمايدىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى — ھە!
— ئەي كۆڭلى تۈز، ياخشى ھەمراھىم، ئۇنداق گەپلەرنى قىلما، ھەممە ئادەم كېسەللىك تارتىدۇ، يەنە ساقىيىدۇ، پەقەت كېسەللىكنى سەنلا تارتمىدىڭ. نېمىشقا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلۈڭنى بۇزىسەن. مەن سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم توق يۈرۈۋاتاتتىم، بۇ سۆزلىرىڭ مېنى قايغۇغا سالدى، بۇنداق دەپ كۆڭلۈمگە ئوت تۇتاشتۇرمىغىن. ئاللا شىپالىق بېرەر، — دەپ تەسەللى بەردى كۈنتۇغدى ئىلىگ كۆڭلىنى بۇزۇپ.
— ئەي بەخت ساھىبى، ئۆلۈمگە دۇنيادا ھېچكىم ئامال قىلالمىغان. تۇغۇلغان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. مەن ئالىيلىرىغا خۇيۇم ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز دېمىگەنمىدىم. مانا ئەمدى كېتىدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن شۇبھىلەنمىگىن، — دېدى ئايتولدى كەسكىن قىلىپ.
— ئەي ئايتولدى، سەۋر قىلغىن، كېسەل تارتقان ئادەمنىڭ گۇناھى يۇيۇلىدۇ. كېسەل بولغان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولسا، دۇنيادا تىرىك ئادەم قالمىغان بولاتتى. كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ساقىيىپ كېتىسەن.
كۈتتۈغدى قولىنى كۆتۈرۈپ ئايتولدىغا ئاللادىن شىپالىق تىلىدى ۋە غەمكىن ھالدا ئوردىغا قايتىپ كەتتى.
ئايتولدىنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئۇ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بىھۇدە زايە قىلىۋەتكەن ھاياتى ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈندى: «ئېست، — ھاياتىمنىڭ نۇرغۇن چاغلىرىنى بىكارغا زايە قىلىپتىمەن، ھەۋەس قوغلىشىپ، تەلۋىلەردەك چېپىپتىمەن. مانا ئەمدى ئۆلۈمگە تۈتۈلدۈم، ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئەجەب ئويلىماپتىمەن.»
ئايتولدى ئۆكۈنۈش بىلەن ھەر قانچە ياش تۆككەن بولسىمۇ كار قىلمىدى. نېمە ئامال، ئۆمۈر دېگەن ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىنسانلارغا شۇنداق خىتاب قىلدى: «ئەي ھۇزۇر - ھالاۋەتكىلا گول بولۇپ ئۆتكۈچى بىخەم ئىنسان، سەگەك ياشا، بولمىسا ئۆلۈم تۇتقاندا پۇشايمان يەيسەن. لېكىن، ئۇ چاغدىكى پۇشايمىنىڭ ھەسرەتتىن باشقا ھېچنەرسە بېرەلمەيدۇ. توپلىغان مال - دۇنيايىڭىمۇ ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ. ئەي، مەستتەك گاراڭ يۈرگۈچى ئىنسان، بۇ ھاياتنىڭ ھېسابى بار، تەييارلىق قىلىپ قوي. كۈلكەڭنىڭ ئاخىرىدا يىغىسىمۇ بار، ئويلاپ قويغىن.»
تەنبىھ: ھايات قىممەتلىك
ئەي ئوغۇل، ئايتولدىنىڭ بۇ ھەسرەتلىرىمۇ ساڭا ئىبرەت بولسۇن. ئۆمرۈڭنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئورۇنلۇق، مەنىلىك ئۆتكۈزەلسەڭ كېيىن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايسەن. دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق - ھاياتلىق، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىممەتلىك، شېرىن نەرسە يوق. ھاياتلىق ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ. ئۇ ھاياتلىققا قايتا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھايات بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىل.
ئۆلۈم ئانچە دەھشەتلىك ئەمەس، چۈنكى، بۇ بىر قانۇنىيەت، ئەڭ دەھشەتلىك بولغىنى ھاياتلىقتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولالماسلىق، ھايات بېغىدا بىرەر شېرىن مېۋە پىشۇرالماسلىق. غايە دېگەن قولغا كەلمەيدىغان سايە ئەمەس ئوغلۇم، ئۇنى ئىرادىلىك ئادەملەرلا تىرىشچانلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ھاياتنىڭ مۇقەددەس گۈل - غۇنچىسى ياشلىق باھارىدا ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچىدۇ، بۇ ھايات گۈلۈڭ ئۆمرۈڭدە بىرەر قېتىم ئېچىلماي خازان بولۇپ كەتسە، بەك ئېچىنىشلىق بولمامدۇ؟! شۇنى بىلگىنكى، ئەزىز، قىممەتلىك نەرسىنى خار قىلىش، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز - ئۆزىنى زار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھاياتىڭدا نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، قايسى قەدىمىي ئىكەنلىك ساخاۋەتلىك، قايسى يولۇڭنىڭ پالاكەتلىك، قايسى مەنزىلىنىڭ نۇرلۇق، قايسى مەنزىلىنىڭ قاباھەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ماڭغىن، بولمىسا پۇشايمان قىلىسەن. پۇشايمان - كۆزدىن يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇتتۇر.
ئايتولدى ئويغا پېتىپ تۇرغاندا، ئوغلى ئۆگدۈلمىش كىرىپ كەلدى. ئوغلىنى كۆرگەن ئايتولدىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى دومىلاپ چۈشتى.
ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ يالغۇزلا ئوغلى ئىدى. ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ بەك ئەقىللىق، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، چىرايلىق بالا بولغان ئىدى. ئايتولدى ئوغلىنىڭ ئۆزىدىن كىچىك قالىدىغانلىقىغا، بالىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلىيەلمەي كېتىپ قالىدىغانلىقىغا بەك ئەپسۇسلىناتتى. شۇڭا، ئۇ ئوغلىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دەپ نەسىھەت قىلدى.
ئەي، مېھرىبان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوماق پەرزەنتلىرى، ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھەتى، ئاتا - ئاناڭلارنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھەتىگە ئوخشاش. چۈنكى، بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ - ئارمانلىرى ئوخشاش. شۇڭا، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقا يىسىلەر.
7. ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىقى
— ئوغلۇم، ئەمدى مەن ئاللانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان بولدۇم، — دەپ سۆز باشلىدى ئايتولدى ھەسرەت بىلەن، — سەن مېنىڭ كۆز نۇرۇم ئىدىڭ، سەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغان بولدۇم، بىر تۈرك ۋەزىرى شۇنداق دېگەن: «ئوغۇل - قىزىڭنى كۆزۈڭنىڭ يورۇقى دەپ بىل. بىراق، ئوغۇل - قىزىڭنىڭ غېمى تۈۋى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ئۇ مەڭزىڭنى سارغايتىدۇ. ئوغۇل - قىزى ۋە خوتۇنى بار ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئۇيقۇسى ئۇيقا بولسۇن؟!» بىز ئاتا - ئانا بولغۇچىلار سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى يەيدىكەنمىز، بىراق، پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ نامىنى ئاتاپمۇ قويمايدىكەن. ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا. ھاياتىم ئۆلۈم تونىنى كىيگىلى تۇردى. ھاياتلىق بەك تاتلىق بولىدىكەن، ئۆلۈم دېگەن بەك ئاچچىق. بۇ دۇنياغا گول بولۇپ يۈرۈۋېرىپتىمەن، ئۆزۈممۇ ھېس قىلمايتىمەن، قارسام ئۆلۈم يېقىنلاپ كەپتۇ. بۇ دۇنيا سېنىمۇ غەپلەتتە قويمىسۇن. ئالدىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈمىدىن، مېنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبرەت ئالغىن، ئۆتكەنكىلەر ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆكۈنۈپ مۇنداق زارلىغان: ئىست دەيمەن، چۈنكى، ھاياتىمنىڭ ئەڭ نەۋقىران چاغلىرىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، ھەۋەسكە بېرىلىپ، مەنسىز، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپتىمەن. ھايات دېگەن شامالدەك ئۆتۈپ كېتىدىكەن، لاي سۇدەك ئېقىپ تۈگەيدىكەن. قانداق قىلاي ئەمدى، ئۆلۈم يېقىنلاپ كەلدى، بۇنىڭغا ئامالىم يوق. دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىشقا چارە - ئامال ئىزدىسەڭ تېپىلىدىكەن، بىراق، ئۆلۈمگىلا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق ئىكەن.
دادسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئۆگدۈلمىش مەيۈس ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدى:
— ئەي مېھرىبان دادا، سەندىن سورايدىغان بىر گېپىم بار ئىدى، جاۋاب بەرگەن بولساڭ. سەن بىلىم ۋە ئەخلاق جەھەتتىن كۆپ تەربىيە كۆرگەندىڭ. باشقىلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى سوراپ ئۆگەندىڭ، ئاڭلىدىڭ، نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭ. ئەمدى ماڭا ئېيتقىن، بۇ ئۆلۈمگە بىرەر چارە — ئامال قىلىپ توسۇپ قېلىش ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا ئىزدەپ كۆرەيلى. پۈتۈن مال — بىساتىمىز سەرپ بولسىمۇ مەيلى. مال — مۈلۈك دېگەن تېپىلىدۇ، جان ئېسەن بولسىلا بولدى، قۇشقىمۇ دان تېپىلىدىغۇ؟
— ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمنى ئاڭلا، بۇ ئىشتىن كۆڭلۈڭنى ئۈزگىن. ئۆلۈمگە ئالتۇن — كۈمۈش ئارا تۇرالمايدۇ، ئۇنى ئەقىل ۋە بىلىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈمنى دۇنيانىڭ مال — دۇنياسى توسۇپالايدىغان بولسا، دۇنيادىن ئۆتكەن نى — نى بەگلەر مال — دۇنياسىغا ھاياتىنى سېتىۋالغان بولاتتى. ئەگەر تېۋىپلارنىڭ داۋاسى ئۆلۈمنى توسۇپ قالالايدىغان بولسا، شۇ تېۋىپلار ئۆلمىسە بولاتتى. تۇغۇلغان ئادەم ئۆلىدۇ، ھېچكىم مەڭگۈ تىرىك ياشىيالمايدۇ، — دېدى ئايتولدى.
— ئەي سۆيۈملۈك دادا، — دېدى يەنە ئۆگدۈلمىش، — بۇ ئۆلۈمنىڭ مۇتلەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ھاياتىڭغا قىيماي بۇنچە ياش تۆكىسەن؟ ئەگەر ئادەم غەپلەت ئىچىدە ھاياتىنى زايە قىلىپ ياشىغان بولسا، ئۆكۈنۈش يوللۇق. ئەمدى ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە پۇشايماندىن نېمە پايدا؟! سەن كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن بىرگە ھاياتىڭنى ئەلنىڭ ئىشلىرىغا ھاياتىڭنى ئاتا قىلىپ ئۆتتۈڭ، خەلققە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدىڭ. بۇ ئىشلىرىڭدىن خەلقمۇ رازى، ئاللامۇ رازى. شۇڭا، بۇ توغرىدا بۇنچە كۆپ ھەسرەت چەكمە.
— ئوغلۇم ئاڭلاپ تۇرغىن، — دېدى ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلىپ، — بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگىن، ھەرگىز غاپىل بولمىغىن، ئويغاق ياشا. ئادەم دېگەن ۋاقىتنىڭ تۇتقۇنى، ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە بىر قەدەممۇ باسالمايسەن، بىر نەپەسنىمۇ ئوشۇق ئالالمايسەن. ۋاقىت — پەرياد قىلىپ يېلىنىشىڭ بىلەنمۇ كەينىگە يانمايدىغان رەھىمسىز دەريا. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرنى پەقەت ئاي ۋە يىللار دەپ قالما، ئۇ سېنىڭ ئۆمرۈڭنى خوراتقۇچى يالماۋۇز. ئاي ۋە يىللار داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۆمۈرنىڭ يېڭىلانغىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ مېنىڭ باشقا غېمىم يوق. سەن مەندىن كىچىك قالىدىغان بولدۇڭ، مېنىڭ غېمىم شۇ.
— ئەي دادا، سەندىن جۇدا بولۇش ئازابى مېنى ئۆرتىمەكتە. سېنىڭ كەينىڭدە قېلىپ ئۆلۈمىڭنى كۆرگۈچە، ئاۋۋال ئۆلۈم ماڭا كەلسە رازى ئىدىم. ئەگەر تەقدىر ئۇنداق بولماي، ئەجەل سېنىڭ بېشىڭغا كەلسە، پۈتۈلگىنى شۇنداق بولغان بولىدۇ. ئۇنداق ئىكەن نېمىشقا قايغۇرۇپ يىغلىغۇلۇق؟! بۇ مۇتلەق قانۇنىيەتنى يىغلاش بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولامتى؟! ئەگەر توپلىغان بايلىقلىرىم قالىدىغان بولدى دەپ ئازابلىنىۋاتقان بولساڭ، ئۇ ئىشنىڭ ئازابلىنىشقا ئەرزىگۈچىلىكى يوق. پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولغانلارمۇ ئاخىرى دۇنيانى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانغۇ. ئەگەر ئادەم بىھۇدە زايە بولۇپ كەتكەن ئۆمرى ئۈچۈن يىغلىسا، قانچىلىك يىغلىسا بولىدۇ. قايغۇ - ھەسرىتىڭ مېنىڭ غېمىمدە بولسا، ھەرگىز غەم قىلما. ساڭا ھاياتلىق يولى بەرگەن بۇ دۇنيا ماڭىمۇ يول بېرىدۇ.
ئۆگدۈلمىش يۇقىرىقى سۆزلىرى بىلەن دادىسىنىڭ كۆڭلىنى تىنچىتتى.
— ئوغلۇم، ئەمدى كۆڭلۈم تىندى، — دېدى ھاياجىنىنى باسالماي ئايتولدى، — ئاللانىڭ مەدىتى بىلەن بەختلىك ياشىغىن.
ئايتولدى ئارقىدىن ئوغلى ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئاللادىن ئوغلىغا بەخت - شادلىق تىلىدى.
تەنبىھ: ئاتا - ئاناخنى ھۆرمەتلە
ئەي ئوغلۇم، ئاتا - ئاناڭ سەندىن كۆپ نەرسىنى تەمە قىلمايدۇ. سەن ياراملىق، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ يېتىشىپ چىقساڭلا، بۇ ئاتا - ئاناڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت. ئاتا - ئاناڭنىڭ تىلىكى خەلقنىڭ سەندىن كۆتكەن ئۈمىدى بىلەن ئوخشاش. ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا توغرا، ھالال ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ نەتىجە ياراتقان بولساڭ، بېشى ئاسمانغا يېتىپ «شۈكۈر» دەيدۇ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ يارامسىز، ئەقىلسىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، بىكار تەلەت، ئاق نانچى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ھەر قانداق ئاتا - ئانا بالىسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ ئوڭ بولۇشىنى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ راۋاج تېپىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ دۇنيادا پەرزەنت ئۈچۈن ئاتا - ئانىدەك مېھرىبان ۋە كۆيۈملۈك يەنە بىرەرسىمۇ يوق. شۇڭا، ئاتا - ئاناڭدىن رەنجىمە، ئۇلارنى ھەرگىز قاقشاتما. ئاتا - ئاناڭنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشىنى بىل. ئاتا - ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. ياخشى پەند - نەسىھەت ئېغىر كۈنلەرگە قالغىنىڭدا ئەسقاتىدۇ. ئاتا - ئاناڭنىڭ ئەجىر - مېھنىتىنى ئاقلايمەن دەيدىكەنسەن، ئۇلارنى رازى قىلغىن. ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقان، ئاتا - ئانىسىنى رازى قىلمىغان پەرزەنتتىن ھېچقانداق ئادەمگە ۋاپا كەلمەيدۇ.
ئايتولدى، ئوغلى ئۆگدۈلمىشنىڭ ئەقىل - پاراستى ۋە جۈرئىتىدىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، قەلبىدىكى سۆزلىرىنى تۆكۈپ نەسىھەت سۈپىتىدە مۇنداق سۆزلەرنى قىلدى:
— ئوغلۇم، توغرا، ھەق مەيداندا تۇرغىن، كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى دۇرۇس تۇت. كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى كىچىك تۇت، بېشىڭ ھەر قانچە ئاسمانغا تاقاشسىمۇ چوڭ سۆزلىمە. دۇنيانى دەپ ئۆزۈڭنى ئوتقا ئۇرما. كىشىلەرنىڭ مېلىنى زورلۇق قىلىپ تارتىۋالما. ھالالدىن پۇل تاپ، ئۇنى جايىدا ئىشلەت، مال - دۇنيايىڭنى جايىدا، ئورۇنلۇق ئىشلىتىشنى بىلسەڭ، بۇ دۇنيادا خارلىق كۆرمەيسەن. ئىقتىسادىڭنى ياخشى باشقۇرماي بۇزۇپ چاچساڭ تاغمۇ توشۇمايدۇ، ئاخىرىدا خار بولۇپ قالىسەن. ئىش - ھەرىكىتىڭ توغرا بولسۇن، بۇ دۇنيادا خۇشال ياشىيالىشىڭ دۇرۇسلۇقىڭغا باغلىق. شۇڭا، بىر ئادەم شۇنداق نەسىھەت قىلغان: ئادەم ھاياتىم ھۇزۇر - ھالاۋەتتە، خاتىرجەم ئۆتسۇن دەيدىكەن، توغرىلىق، دۇرۇسلۇقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلسۇن. باي بولۇش تىلىكىڭ بولسىمۇ يەنىلا دۇرۇس يول تۇتۇش ئارقىلىق ئۇ تىلىكىڭ ھاسىل بولىدۇ. دۇنيادا بۈيۈك، ئۇلۇغ ئادەم بولاي دېسەڭمۇ دۇرۇس يولدا مېڭىشىڭ لازىم.
ئوغلۇم، باشقىلارغا يامانلىق كۆزلىمە، سىرىڭنىمۇ ئىككى يۈزلىمە ئادەملەرگە ھەرگىز دېمە. يېنىڭغا سۇخەنچى ئادەمنى يولاتما، ئۇنداق ئادەم سېنى ئالقىشلىمايدۇ. سىنالغان ئىشەنچلىك دوستلىرىڭ بولسا ئۇلارنى چىڭ تۇت، ھەقىقىي دوست سېنىڭ پايداڭنى كۆزلەيدۇ. باشقىلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قوي، بىراق، ھەممىلا گەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە. باشقىلارغا ھەسەت قىلما، ھەسەتخورلۇق ساڭا خاتىرجەملىك بەرمەيدۇ.
تەنبىھ: ھەسەتخور بولما
ئوغلۇم، ئايتولدىنىڭ نەسىھەتىگە قوشۇمچە قىلىپ ھەسەت توغرىسىدا ئازراق گەپ قىلىپ قوياي.
سەن خاتىرجەملىكنى، تەن ساقلىقىڭنى ئارزۇ قىلىسەن. ئەمما، كۆرەلمەسلىك ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ساقايماس كېسەللىك بار، ئۇنىڭ ئېتى «ھەسەت» دېيىلىدۇ. دۇنيادا كېسەللىكمۇ كۆپ، ھەر بىر كېسەلنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق داۋاسى بار، ئەپسۇسكى، ھەسەتخورلۇق كېسىلىنىڭ داۋاسى يوق. ئۇ خۇددى زەھەرلىك قۇرتقا ئوخشاش ئىچىڭگە كىرىپ، قىم - قىملىق بالاسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ بالادىن ئۆلمىگۈچە قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يېيىش ئادەم بالىسىغا نېسىپ بولمىغان، بىراق، پىتنە - پاسات ۋە ھەسەت ئۆزۈڭنىڭ گۆشىنى ئۆزۈڭگە يېگۈزىدۇ. ھەسەت دېگەن بىر ئوتكى، ئۇ ئوتنىڭ تېشىدىكى ئۆزگىلەرنىمۇ، ئوتنىڭ ئىچىدىكى سېنىمۇ ھۆل - قۇرۇق دېمەي كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ. بىلسەڭ، ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگەندىن ئىچىدە كۆيگەن تېخىمۇ بەتتەرەك بولىدۇ. باشقىلارغا يامانلىق كۆزلىمە، ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلمىسىمۇ يامانلىق قىلما. يامانلىق قىلمىغانلىقىڭنىڭ ئۆزى ياخشىلىق بولۇپ سانىلىدۇ. باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن خۇشال بول، قايغۇ - ئەلىمىنى كۆرسەڭ ياردەمدە بول. ھەر قانداق خۇشاللىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بولغاندىلا ئۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ۋە لەززىتى بولىدۇ.
ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلىۋاتقان نەسىھەتنى
داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.
— ئوغلۇم، پۇل توپلاشتىن بۇرۇن خۇلقۇڭنى ياخشى قىل. خۇلقۇڭ ياخشى بولسا پۇل تېپىشتىنمۇ غەم قىلما. يامانلارغا بايلىق ياراشمايدۇ. ھەر قانداق ئىشنى ھودۇقماي، ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن قىل. باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئوچۇق، شېرىن سۆزلۈك بول، تىلىڭنى ياخشى كۆزەت، ئۆزۈڭنى ئەسكى ئىشلارغا قاراتما، تائام يېگەندە ئاستا ھەم ئاز - ئاز يېيىشكە ئادەتلەنگىن. كۆپ تاماق يېيىش ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇ مىجەزىڭنى بۇزۇپ كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. قۇرۇق ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمە، ھەر قانداق ئىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئوبدان ئويلان.
ئوغلۇم، ئىككى ئىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. بىرى، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالما. يەنە بىرى، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالما. ئۆزىنى ئۇنتۇش، ئەسلىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھەم ئۆلگەنگە باراۋەر. سېنىڭ ھاياتلىقىڭ پەقەت ئۆزۈڭ - ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغاندىلا قىممەتلىك بولىدۇ. ئۆزىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغان، ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن ئادەمنى قانداقمۇ تىرىك ھېسابلىغىلى بولىدۇ؟!
گەپ قىلغاندا ئەتراپىڭغا قاراپ ئېھتىيات بىلەن سۆزلە، چوڭ سۆزلىمە، ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپ قىل. ھەرگىز يالغان سۆزنى ئېغىزىڭدىن چىقارما. يالغان سۆز سېنى خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلارغا، دوست - يارەنلىرىڭگە يېقىنلىق يەتكۈز. چوڭلارنى ھۆرمەتلە، كىچىكلەرنى ئىززەتلە. كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەڭ يوشۇر. ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچساڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان بولىسەن. بەختكە ئېرىشكەندە كىبىرلىك قىلما، كىبىر دېگەن ئادەمنى باشقىلارغا سەت كۆرسىتىدۇ.
ھاياتىڭدا ھەرگىز ھاراققا يېقىن بولما، بۇزۇقلۇق يولىنى
تۇتما. ھاراق دېگەن ساڭا خارلىق تونىنى كىيدۈرىدۇ، سېنى مىڭ خىل گۈناھقا پاتۇرىدۇ، يۈزۈڭنى تۆكىدۇ، بەختىڭنى قاچۇرىدۇ. ئەي ئوغلۇم، ساڭا دېيىشكە تېگىشلىك سۆزلىرىمنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى دېدىم. دېگەنلىرىم سەن ئۈچۈن پايدىلىق، سۆزلىرىمنى يادىڭدا تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭ ھەرگىز خار بولمايسەن. بۇ مېنىڭ ساڭا قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسىم بولسۇن.
تەنبىھ: ھاراقنىڭ زىيان - زەخمىتى
ئوغلۇم، مەن ھاراق ۋە ھاراقكەشلىك ھەققىدە كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى ساڭا ئازراق ئېيتىپ قوياي.
بەزى كىشىلەر ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ، بۇنى سەۋەنلىك دەيمىز. ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ زەھەرلىك يىلاننى تۈتىدىكەن، ئۇنى بىغەرەزلىك دەيمىز. ھاراق — ھاياتنىڭ دۈشمىنى، ئەخلاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى، بىلىم ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۈشەندىسى، ئىنسان ئار - نومۇسىنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇزاق. ئادەم ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ ياۋۇز دۈشمەن بار: بىرىنچى، يالغانچىلىق. ئىككىنچى، ۋەدىدە تۇرماسلىق. ئۈچىنچى، ھاراققا بېرىلىش. ئوغلۇم، سەن بىر دەملىك كەيپىيات ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇلغىما. ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر دەملىك خۇشاللىق ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغاش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.
ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاقىۋىتىنى ئويلاش زۆرۈر. كۆرمىدىڭمۇ، ھاراققا بېشىنى تىققان خېلى ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى ئىشرەتكاھلاردا ئىت كەبى قۇسۇق يالاش بىلەن ئۆتۈۋاتقىنىنى. بۇ ئۇنىڭ خاھىشىدىكى ئىشمىدى؟ ياق، ئۇ ئەقلىنى ھاراققا ئوغرىلاتقان، ھوش - كاللىسىنى يوقاتقان. چۈنكى، ھاراققا سالام بەرگەن ئادەم ئەقلى بىلەن، ئار - نومۇسى
بىلەن خوشلىشىشى كېرەك. ھاراق ئىچكەن، مەست بولغان كىشى ئۆز ئىختىيارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئۆز ئىختىيارى ئۆزىدە بولمىغان كىشى نېمە ئىشلارنى قىلمايدۇ؟! ھاراق دېگەن سېنىڭ بەختىڭنى شامالغا سورۇيدىغان دۈشمەن. ئۇ سېنى ھاقارەتكە قويىدۇ، خارلىق پاتقىقىغا پاتۇرىدۇ، بۇ پاتقاقتىن خاراب بولمىغۇچە قۇتۇلالمايسەن. مەن ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئەقىللىق دەپ ئۆز - ئۆزۈڭگە تەمەننا قويما. ھەر قانچە بىلىملىك، ئەقىللىق، پەزىلەتلىك بولساڭمۇ مەيگە يېقىن بارىدىغان بولساڭ، ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىسەن. ئوغلۇم ئويلاپ باققىن، دۇنيادا ئەقىل، پەزىلەت، ئۇياتتىن قىممەتلىك ۋە پاك نەرسە بولمايدۇ. شۇنچە قىممەتلىك نەرسەڭنى نىجىس ھاراق بىلەن بۇلغىساڭ سېنى ھەرگىزمۇ ئەقىللىق، پەزىلەتلىك دېگىلى بولمايدۇ.
ئوغلۇم، ئىنساننىڭ مېڭىسى بەك ئۇلۇغ. ئىنسان مېڭىسىگە تايىنىپ ئىجاد قىلىدۇ، تەپەككۇرىغا تايىنىپ گۈزەل نەرسىلەرنى يارىتىدۇ، دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇڭا روھىي دۇنيايىڭنى بەك ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشۇڭ كېرەك. ھاراقنىڭ نېرۋا سىستېماڭنى تورمۇزلاپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىڭنى زەئىپلەشتۈرۈشىدىن ساقلان. ھاراقنىڭ ھەقىقىي ئېتى - جېدەل - غەۋغا. ھاراقكەشلىك - ئالىمنى زالىمغا، بىلىملىكنى نادانغا، ناداننى ساراڭغا ئوخشىتىپ قويىدۇ. ھاراقنى دوست تۇتساڭ بىلىم ۋە پەزىلەت سەن بىلەن خوشلىشىدۇ. شۇڭا، ھاراقكەشلەرگىمۇ ئارىلاشما. ھاراقكەش ئادەم ۋاپاسىز، ئۇياتسىز، پەس بولىدۇ. پەس تەبىئەتلىك كىشىلەردىن قانداقمۇ ۋاپا كۈتكىلى بولسۇن؟! ھاراقكەشلەرگە ئارىلاشساڭ ساڭا مۇنداق بەش زىيان بار. بىرىنچى، ھاراقكەشلەر ۋاپاسىزلىق بىلەن سېنى داغدا قويىدۇ. ئىككىنچى، سېنىمۇ كىشىلەر شۇ خىل كىشىلەر جۈملىسىدىن سانايدۇ. ئۈچىنچى، ئەل ئىچىدە ئېتىباردىن چۈشۈپ قالىسەن. تۆتىنچى، ئۇلار بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن ئايرىلمىقىڭ
تەس بولىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇق، مەنسىز ھەرىكەتلىرى ۋە گەپ - سۆزلىرىگە گۈل بولۇپ ھاياتىڭ كەلكۈن سۈيىدەك نىشانسىز، مەنسىز ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەشىنچى، ھاراقكەشلەرگە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭمۇ ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنالمايسەن. شۇنىڭ بىلەن ئەل مەنپەئىتىگە خىلاپ ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەرنى قىلىپ قويۇپ بالاغا قالمىسەن ياكى سىرىڭنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلمىسەن.
ئوغلۇم ئەتراپىڭغا باق، ھاراققا بېرىلگەن ئادەملەرنىڭ خانىۋەيران بولمىغىنىنى، زەئىپلەشمىگىنىنى كۆرگىنىڭ بارمۇ؟ كۆپلىگەن باتۇر ئوغلانلارنى شۇ ھاراق يەر بىلەن تەڭ قىلدى. نۇرغۇن ئىرادىلىك يىگىتلەرنى ھاراق زەئىپلەشتۈرۈپ تۈگەشتۈردى. ھاراق دېگەن سېنى بولمىغۇر خىيالغا سالالايدۇ، دىلىڭ خالىمىغان ئىشقا، تەبىئىتىڭ ھار ئالىدىغان قىلىقلارغا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەل - جامائەت ئارىسىدا تەلۋە، ئەخمەق ئاتىلىسەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ھاراقخورلۇق ئىقتىسادنىڭمۇ دۈشمىنى. ئۇ ساڭا موھتاجلىقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئارتىپ، نامراتلىق كوچىسىدا سەرسان قىلىشقا، قولۇڭنى باشقىلارغا سوزدۇرۇشقىمۇ قابىل. ئەقلىڭ بولىدىغان بولسا بۇنداق ئاشكارا زىيانداشقا ئۆزۈڭنى ھەرگىز ئۆرۈپ قالمىغايسەن.
8. ئايتولدىنىڭ كۈتۈغدى ئىلىگكە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قالدۇرغانلىقى
ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا ئەل - ۋەتەننىڭ غېمىنى يەپ، قەغەز - قەلەم ئېلىپ كۈتۈغدى ئىلىگكە ۋەسىيەتنامە پۈتتى: «ئەي بەختىيار خان، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەيسەن، كۆپ زامان سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغايسەن. مېنى كۆپ ياخشىلىقلار بىلەن ئەجىر قىلىپ كۈتكەن ئىدىڭ، ئەجرىڭنى قايتۇرۇپ بولالماي كېتىدىغان بولدۇم. شۇڭا چىن قەلبىمدىن بۇ نامىنى يېزىپ قالدۇردۇم. كۆيۈمچان ئادەملەر شۇنداق دېگەن: كۆيۈمچان ئادەملەرنىڭ ساڭا قىلغان نەسىھەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ساڭا پايدىلىق. چۈنكى، ساڭا ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان ئادەم سېنىڭ ھەقىقىي دوستۇڭ ھېسابلىنىدۇ. ئالىيلىرى، مەن ساڭا ئەڭ كۆيۈملۈك ئادەممەن، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلغايسەن.
ئالىيلىرى، ئۆلۈم تۇتماستا ئويغان، بىلىم بىلەن ئىشلىرىڭنى تۈزەتكىن، زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشتىن ساقلان. سۆز ۋە ھەرىكىتىڭ بىلەن خەلقىڭكە ياخشىلىق قىلىپ قوللاشنى قولغا كەلتۈر. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ دۆلەتنى روناق تاپتۇر. ھەر قانداق ئىشتا توغرا، ھەققانىي بول، ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەسىر بولما. ياخشى، ياراملىق كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۈت. يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھەزەر قىل، تەمەخور ئادەمگە ھەرگىز ئىش تاپشۇرما.
ئەي بەختلىك خاقان، بۇ دۇنيا خۇددى بىر تېرىلغۇ يەرگە ئوخشايدۇ. يەرگە نېمە تېرىغان بولسا شۇ ئۈندۈ، نېمە ئۈنگەن
بولسا شۇنىلا ئورۇيدىغان گەپ. تېرىق تېرىساڭ تېرىق ئورۇيسەن، بۇغداي تېرىغان بولساڭ بۇغداي ئورۇيسەن، تېرىق تېرىپ بۇغداي ئورۇيدىغان قانۇنىيەت يوق. شۇڭا، بۇ دۇنياغا ياخشىلىق ئۇرۇقىنى چاچقان بولساڭ، ياخشىلىق مېۋىسىگە ئېرىشىسەن، يامانلىق ئۇرۇقىنى چاچساڭ، يامانلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىسەن. ئورۇنسىز قان تۆكمە، كىشىلەرگە زورلۇق قىلما. سېخىي بول، بېخىل بولمىغىن، سېخىيلارنىڭ نامى مەڭگۈ قالىدۇ. ئەي ئەلنىڭ غەمگۈزارى، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ياخشى قىل، بېگى ياخشى بولسا خەلقىمۇ ياخشى بولىدۇ. خەلق قويغا ئوخشايدۇ، بەگ دېگەن چۇپان، چۇپان دېگەن قويغا مېھرىبان بولۇشى لازىم.»
ئايتولدى ۋەسىيەتنامىسىدە يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتكەن ئىدى: «بۇ دۇنيادا ياراملىق بەگ بولاي دېسەڭ، مۇنۇ بەش ئىشقا يېقىن بارما. بىرىنچى، ھارامغا قوشۇلما. ئىككىنچى، ئورۇنسىز قان تۆكمە. ئۈچىنچى، پاساتتىن يىراق تۇر. تۆتىنچى، ئاداۋەت ساقلىما. بەشىنچى، شارابقا بېرىلمە. بۇ بەش ئىش ھاكىمىيىتىڭنى خاراب قىلىدۇ. ئادىل بول، زۇلۇمنى ئېلىڭدىن تامامەن يوقاتقىن. نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرمە، ياخشى نام قالدۇرۇشقا تىرىشقىن.
قانۇننى ياخشى تۈز، يامان قانۇن تۈزمە، ياخشىلارنى ئەزىزلە، يامانلارنى ئەلنىڭ ئىشىغا قويما. يامان قانۇن دېگەن ئەلنى خاراب قىلىدۇ.»
تەنبىھ: ھەر قاچان ئادالەت تەرەپتە تۇر
ئوغلۇم، سەن ئەمەلدار بول ياكى پۇقرا بول. ھەر قاچان
ئادالەتنى ياقلا، ئادالەت، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرغىن، ئادالەتنىڭ، قانۇننىڭ ھىمايىچىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بول. ھەق - ناھەق مەسلىسىدە ھەرگىز تېڭىرقاپ قالما، چوقۇم ھەققانىيەتنى ياقلا. ئەگەر ئادالەت، ھەققانىيەت دەپسەندە قىلىنسا، ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرما. كۆكرەك كېرىپ ئادالەتنىڭ، ھەققانىيەتنىڭ ئابرۇيىنى قوغدا. چۈنكى، ئادالەت، ھەققانىيەت دېگەن ياخشىلارنىڭ تۈۋرۈكى، جاھالەت يامانلارنىڭ كۈنى. ھەق - ناھەق مەسلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇۋالغان ئادەم ئەڭ رەزىل ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
ئايتولدىنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «ئەي خاقانىم، مەن كېتىدىغان بولدۇم. بىر يۈرەك پارەم بار، ئۇ مەندىن كىچىك قالىدىغان بولدى. مەن ئوغلۇمنى ئالدى بىلەن ئاللاغا تاپشۇردۇم، ئۇندىن قالسا ساڭا تاپشۇردۇم. ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويغىن. ئۇنى كۆزۈڭدىن يىراق قىلما، ياۋا بولۇپ قالمىسۇن. ئەگەر مېنىڭ ئۆزۈڭدە مۇلازىملىق ھەققىم بار دەپ قارىساڭ، سەن ئۇنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىغا ياردەم قىلغىن. ئۇنى ئەدەپلىك، پەزىلەتلىك، ئەلگە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىگىن. ئۇنى بوش قويۇپ بەرمە، قاتتىق تۇت، پەرزەنت چىڭ تۇتۇلسا كېيىن بەختىنى تاپالايدۇ.»
ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگە يازغان ۋەسىيەتنامىسىنى تۈگىتىپ بولۇپ باغلىدى. ئۇنى ئوغلىغا بېرىۋېتىپ: — بۇ نامىنى ئالغىن، يىتتۈرۈپ قويماي ئىلىگە يەتكۈزۈپ
بەر. توغرا يولدا ماڭغىن، — دەپ جېكىلەپ ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدى ۋە:
— ئوغلۇم، مېنىڭ ئۆلۈمىم ساڭا ئىبرەت بولسۇن، دېگەن سۆزلىرىمنى ئۇنتۇپ قالما، ماڭا دۇئا قىلىپ تۇرغىن. ۋاقتى كېلىپ ئىلىگ سېنى ئىزدەپ قالسا، ئۇنى قەدىرلە، خىزمىتىنى ھالاللىق بىلەن بېجىرگىن. لاغايلاپ كۈنلىرىڭنى بىكار ئۆتكۈزمە. ئاخشىمى كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرغىن. سەھەر تۇرغان ئادەمنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ، ئوغلۇم.
ئايتولدى، يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى ئۈزدى.
ئايتولدى تەييارلىقنى تۈگەتتى. ئۆزىنى تۇتۇپ ئەقلىنى يىغىپ، مال - مۈلكىنى يوقسۇللارغا تارقاتتى، يېقىنلىرى ۋە تۇغقانلىرىدىن رازىلىق ئالدى. ئۇنىڭ جېنى كۆككە يول ئېلىشقا ھازىرلاندى، ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ ئىمان ئېيتتى ۋە شاھادەت بىلەن نەپىسى ئۈزۈلدى. يورۇق جان مانا قاراڭغۇلاشتى، جان چىقىپ كېتىپ قۇرۇق گەۋدىسىلا قالدى. ئۇ تۇغۇلمىغاندەكلا بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك يوقالدى.
تەنبىھ: ئۆلۈمنى ئۇنتۇما
ئەي ئوغۇل، ئۆلۈم دېگەن مانا شۇنداق ئىش. تەن دېگەن سۈزۈك جاننىڭ ئۆيى. جان ئۇچۇپ چىقىپ كەتسە قۇرۇق تەنلا قالىدۇ. جاننىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئادەم دېگەن شۇنداق بىر مەزگىل ياشايدۇ - دە، بۇ ھاياتقا ھەر قانچە قىيمىسىمۇ، يەنە بىر مەزگىل ياشىغۇسى كەلسىمۇ ئامال يوق سۆزىمۇ، نەپىسىمۇ كېسىلىدىكەن. قېنى يوغان سۆزلىگەنلەر،
قېنى مەيدىسىنى كېرىپ خەلققە گەدەنكەشلىك قىلغانلار، قېنى خەلققە كۆرەڭلەپ ئۆزىنى يوغان تۇتقانلار، قېنى بۇ دۇنيانى تالىشىپ قان تۆككەنلەر، قېنى ئازغىنا مەنپەئەتنى دەپ دوستىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى ساتقانلار! مانا ئۇلار ئىككى بۆز بىلەنلا كەتتى، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ ساۋاقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئەي ئوغۇل، ئادەمگە ئىست دېمە، ئادىمىيلىكنىڭ بولماسلىقىغا ئىست دە؛ ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئەپسۇسلانما، بۇ دۇنيادىن مېھنەتسىز، ئەمگەكسىز، ئەجىر - تۆھپىسىز ئۆتكەنگە ئىست دە!
9. ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۈغدى ئىلىگىنىڭ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى
كۈنتۈغدى ئىلىگى ئايتولدى ئۈچۈن داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدىن كېيىن ئۆگدۈلمىشنى ھۇزۇرىغا چاقىرىتى ۋە تەسەللى بەردى:
— ئوغلۇم، كۆپ قايغۇرمىغىن، بۇ غەملەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ جۇدالىق ساڭىلا كەلمىدى، مەن ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش بولدى. روھىڭنى چۈشۈرمە، ئۆزۈڭنى ئەركىن تۈت. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ساڭا دادا بولاي، سەن مېنىڭ ئوغلۇم بولغىن، يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىل، — دېدى.
— ئەي ئىلىگى ئاتا، سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا بولسۇن، — دېدى ئۆگدۈلمىش ئىلىگىگە باش ئۇرۇپ، — دادام ئۆزىنى سېنىڭ خىزمىتىڭگە پىدا قىلغان ئىدى.
ئۆگدۈلمىش دادىسى يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىنى ئىلىگىگە ئىككى قوللاپ سۇندى. ئىلىگى نامىنى ئوقۇپ بولۇپ، سادىق سىردىشى ئايتولدى ئۈچۈن قايغۇردى. ئۇنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىمۇ ۋەتەننىڭ ئىشىنى يادىدىن چىقارمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ سۆيۈندى.
ئۆگدۈلمىش قەلبىدىكى يارىسى يەڭگىللىگەندىن كېيىن، ياخشى كىشىلەرنى دوست تۇتتى. توغرا يولدا ماڭدى، بارا - بارا ئۇنىڭ بەختى ئېچىلدى.
كۈنتۈغدى ئىلىگى بىر كۈنى كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپ،
كۆزىنى ئۇزاقلارغا تىكتى. بىراق كۆڭلىدە يىغىلىپ قالغان گەپلىرىنى دېيىشىدىغان ئادەم تاپالماي ئىچى پۇشتى. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ بىرەر سىردىشى، قەلب سىرلىرىنى ئاچالايدىغان ئىشەنچلىك كىشىسى بولمىسا بولمايدۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ خىيالىغا ئۆگدۈلمىش كەلدى ۋە چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئۆگدۈلمىش ئىلىگىنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئوردىغا كېلىپ كۈتتۈغدى ئىلىگە كۆرۈنۈش قىلدى. ئىلىگ:
— ئوغلۇم، داداڭدىن كېيىن بۇ زاماندىن نېمىگە ئېرىشتىڭ، كۈنلىرىڭ قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ — دەپ سورىدى ئۆگدۈلمىشتىن. — ئەي ئالىيلىرى، زامان يۈز ئۆرۈپ قاپاق تۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىدىن چەتتە قالدىم. شۇڭا، قايغۇ بىلەن يۈرگەندىم، بۈگۈن مانا بېلىمگە بەخت كەمىرىنى باغلىغاندەك بولدۇم، كۆزۈم يورۇپ كەتتى، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش.
— داداڭنىڭ مەندە كۆپ ھەققى بار ئىدى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالماي كەلدىم، — دېدى كۈتتۈغدى ئىلىگ، — ئۈچ ئوردا بېگى: بىر كىم سېنىڭ ئەمگىكىڭنى قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۈتتۈپ قالما، ئادىمىگەرچىلىككە ئادىمىگەرچىلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن، دېگەن.
— ئەي ئىلىگ ئاتا، سېنىڭ نەزىرىڭگە ئىلىنىشىم مەن ئۈچۈن بەخت، مەن ئۆزۈمنى سەن ئۈچۈن ئاتا قىلغانمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆگدۈلمىش خىزمەت كەمىرىنى چىڭ باغلاپ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا دادىل كىرىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىخلاس بىلەن كۆيۈنۈپ قىلغان خىزمىتى ئىلىگكە ياراپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
كۈتتۈغدى تېخى ئۆگدۈلمىشنى ھەر جەھەتتىن سىناپ
كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەڭداشسىز ئەقلىي قابىلىيەتتىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ بىر كۈنى خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ: «دۇنيادا ھەممە نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمىدىكەن، بىراق ھەقىقىي ياراملىق ئادەمگە ئېرىشمەك تەس ئىكەن. ئايتولدىنى يوقىتىپ قويۇپ، تېخىچە بىرەر ياراملىق ئادەم تاپالمىدىم» دەپ ئويلىدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىدا «ئۇرۇقلۇق ئادەم ئۆلسە ئۇنىڭ ئۇرۇقى قالىدۇ» دېگەن پىكىر ئەكس ئەتتى. ئۆگدۈلمىشنى يادىغا ئالدى ۋە «ئۇ خېلى ياراملىقتەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، تەربىيىلىسەم چوقۇم ياخشى ئادەم بولىدۇ. چۈنكى، ئۇمۇ دادىسىنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ، ياخشى ئادەمنىڭ پەرزەنتى ياخشى بولىدۇ» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنى چاقىرتىپ كېلىپ ئوردىدا بولىدىغان ياخشى - يامان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭغا خېلى يۇقىرى ئورۇن بېرىپ سىناپ كۆرمەكچى بولدى. كۈنتۇغدى ئۆگدۈلمىشنى ھەر خىل ئىشلارغا سېلىپ كۆردى، ھەر خىل مۇشەققەتلەرنى ئارتىپمۇ باقتى، ئۇنىڭغا قاپاق تۈرۈپ ئاچچىقلاپمۇ باقتى. بىردە ئۇنى ئۆستۈرۈپ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، بەزىدە قەستەن يامان كۆرۈپ ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ باقتى. ئۆگدۈلمىش بولسا ھەر قانداق چاغدا خىزمەتنى ئاقساتماي، ئەل ئىشىنى بەجانىدىل ئىشلەپ نۇرغۇن ياخشى ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى، خەلقمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئالقىشلىغىلى تۈردى.
كۈنتۇغدى ئىلىگ: «ھەببەللى، ئەمدى ئىشلىرىم تىلىگە- نىمدەك بولىدىغان بولدى. ئۆگدۈلمىشتە قابىلىيەت بارلىقىنى سەزگەنىدىم. مەرد ئوغلاننىڭ مەردلىكى كىچىكىدىن، دەرەخ مېۋىسى چېچىكىدىن ئەمەسمۇ» دەپ ئويلاپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى. بىراق، يەنىلا سىناپ كۆرمەك بولۇپ، ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا چاقىرتىپ كىرىپ مۇنداق بىر قانچە سوئال سورىدى:
— ئوغلۇم، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق نەرسە نېمە؟ ئەڭ زىيانلىق ئىش قايسى؟ ساناپ بەرگىن.
— ئەي بىلىمنىڭ خەزىنىسى بېگىم، — دەپ جاۋاب بېرىشكە باشلىدى ئۆگدۈلمىش ئەدەپ بىلەن، — دۇنيادا مۇنۇ ئۈچ ئىش ئىنسانغا ئەڭ پايدىلىقتۇر. بىرىنچى، ياخشى ئىش، ياخشى ئەمەل. ئىككىنچى، ئۇيات، ھايا. ئۈچىنچى، توغرىلىق. بۇ ئۈچ پەزىلەت بىلەن كىشىلەر بەختكە ئېرىشەلەيدۇ. ئىنسانغا زىيانلىق مۇنداق ئۈچ ئىش بار. بىرىنچى، جاھىللىق ۋە ياۋۇزلۇق. ئىككىنچى، يالغانچىلىق. ئۈچىنچى، ئاچ كۆزلۈك ۋە بېخىللىق. بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىسى بىلىمسىزلىك، نادانلىق، نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئاچ كۆزلۈكتىن كېلىدۇ.
تەنبىھ: ھايا
ئوغلۇم، ئۆگدۈلمىشنىڭ يۇقىرىقى جاۋابىنى قىسقىچە شەرھلەپ ئۆتەي. ياخشىلىق ھەققىدە يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلدى، ئەمدى ھايا توغرىسىدا سۆزلەي.
بىر ئوغلۇم، ھايا ۋە نومۇس ئىنسان پەزىلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئولۇغى ۋە ئەڭ چىرايلىق گۈلى. ئۇيات — سېنى يامان ئىشتىن توسقۇچى باغلاق، قەلبىڭنى پاك ساقلىغۇچى مۇقەددەس قورغان. ئۇ سېنى دائىم ياخشى ئىشقا ئۈندەيدۇ، ئەخلاقسىزلىققا، ۋىجدانىڭغا خىلاپ ئىش قىلىپ قويۇشقا يول قويمايدۇ. ئەگەر سەندىن ھايا پەردىسى كۆتۈرۈلىدىكەن، ئادەملىك ئالاھىدىلىكىڭنى يۇيۇپ، ھايۋانلىق مەقامىغا يېتىسەن. ئۇياتسىزلىق، ھاياسىزلىق دېگەن بەك يىرگىنچىلىك كېسەلكى، ئۇنداق ئادەمدىن ھەر قانداق پەسكەشلىكلەرنى كۈتۈش مۇمكىن. ھاياسىز، نومۇسسىز ئادەم — ۋىجدانسىز، ۋاپاسىز ئادەم. ۋىجدانسىز، ۋاپاسىز ئادەم ھىچقانداق ياخشى ئىشقا يارىمايدۇ. شۇڭا، ھاياسىز ئادەمدىن پەرھىز قىل.
ھايالىق بولساڭ ھەممە كىشى سېنى سۆيىدۇ، ھاياسىز بولساڭ ھەممە كىشى سەندىن بىزار بولىدۇ. ھايا دېگەن خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلەتلىرىدىن بىرى، بۇ ئەنئەنىنى ئۈزۈپ قويمىغايسەن.
تەنبىھ: ئاچ كۆزلۈك بىلەن بېخىللىق قوشكېزەك
بېخىل ئادەم دۇنيادا بەخت يۈزىنى كۆرمەيدىغان ئادەمدۇر، ئۇ ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىرىشىپ - تىرىشىپ مال - دۇنيا توپلايدۇ - يۇ، لېكىن ئۆزى يېمەيدۇ، باشقىلارغا بىرەر يارماق بېرىشىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىدۇر. ئۆزى يېمەستىن مال يىغىدۇ، ئۆزى ئۆلىدۇ، مال - دۇنياسىنى دۈشمەنلىرى يەيدۇ. بېخىل، ئاچ كۆز ئادەم ھەرگىز باي بولالمايدۇ. شۇڭا، ئادەم تۈرمۈشىنى بېيىتىشتىن بۇرۇن كۆڭۈل ئايۋىنىنى بېيىتىشى لازىم. دۇنيادا ئەڭ شەۋكەتلىك بايلىق كۆڭۈل بايلىقى. كۆڭۈل بايلىقىدىن مەھرۇم بولساڭ، ھېرىسلىق سۈپۈرگەڭ بىلەن دۇنيادىكى بارلىق بايلىقلارنى سۈپۈرۈۋالساڭمۇ يەنىلا بايلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشەلمەيسەن. ئاچ كۆزلۈك يامان كېسەل ئوغلۇم. جىسمانىي كېسەل قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرسا، ئاچ كۆزلۈك كېسىلى مەنىۋىيىتىڭنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئاچ كۆزلۈك كىمنى پېقىر قىلغان بولسا، ئۇنى جاھان توقلۇقىمۇ باي قىلالمايدۇ. كۆزى توق بولۇش ئۈلۈغلۈقنىڭ بىر بەلگىسى. كۆزى توققنىڭ قولى قۇرۇق بولسىمۇ، كۆڭلى باي بولغىنى ئۈچۈن تەمە ۋە ھەسرەتتىن ئازاد.
كۈتتۈغدى ئىلگى ئۆگدۈلمىشتىن ئىككىنچى سوئالنى
سورىدى:
— ئوغلۇم، ئادەم ئانىدىن تۇغۇلۇشىدىنلا بىلىملىك بولۇپ تۇغۇلامدۇ ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزى ئۆگىنىپ بىلىم تۆرىگە چىقامدۇ؟
— ئالىيلىرى، بىلىم بىلەن ئەقىل پەزىلەتنىڭ نامىدۇر، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — ئادەم بالىسى ئانىدىن بىلىمسىز، ئاق قەغەزدەك تۇغۇلىدۇ. ئۇ ياشاش جەريانىدا بارا — بارا ئۆگىنىپ، بۇ ئاق قەغەزگە بىلىمدىن ھەر خىل رەقەملەرنى چېكىدۇ. پەقەت ئەقىلنىلا ئۆگەنگىلى بولمايدۇ، ئەقىل دېگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە قوشۇلۇپ بىللە يارىتىلغان بولىدۇ، ئادەم ئەقىلدىن باشقا ئىشلارنى ۋە پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كامالەتكە يېتىدۇ.
«خۇداغا شۈكۈر، دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانىدىم، مانا بۇ ئوغۇل دادىسىنىڭ ئىزىنى باسىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدى كۈنتۇغدى ئىلىگ. ئۆگدۈلمىشمۇ ھەقىقەتەن ئىلىگنىڭ قولىنى سوۋۇتقان ئىدى. ئۇ مال — دۇنياغا ئۆزىنى بۇزمايتتى، خەزىنىدە ئىشلەۋاتسىمۇ ئالتۇن — كۈمۈشكە كۆز قىرىنى سالمايتتى. ئۇ پاكلىقنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلەتتى، خىزمەتتە ھەرگىز نەپسىگە چوغ تارتمايتتى.
تەنبىھ: پۇل، مەنپەئەت توغرىسىدا
ئەي سۆيۈملۈك بالام، يادىكىدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دېگەن ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن — كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بۇلغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىنىدىن
ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر - قىممەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن - دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتسىمۇ ئەرزىيدۇ. ئوغلۇم، پۇل تاپ، لېكىن پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالما. پۇل دېگەن ئادەمنى ئەزىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجدانىنى بۇلغاپ ئىنسانىي پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ. ھالالدىن پۇل تېپىپ، بېيىپ ئۇنى ئورۇنلۇق ئىشلىتىش بەخت دېگەن شۇ. كىشىلىك ھاياتتا پۇل ۋاسىتە، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ مەقسەت ئەمەس. بۇ خۇددى ھاياتتا تاماق يېيىش مەقسەت ئەمەس، بەلكى مەقسەت ياشاش بولغانغا ئوخشاش. ئادەم تاماق يېيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ - دە، ئەگەر ئىنسان تاماق يېيىش ئۈچۈن ياشىسا ھايۋاندىن نېمە پەرقى؟! شۇنىڭدەك پۇلنى ياشاش ئۈچۈن، بەختلىك ياشاش ئۈچۈن تاپىمىز. لېكىن، پۇلنىڭ ئۆزى بەخت ئەمەس ھەم مەقسەت ئەمەس. پۇل تېپىش ئىنساننىڭ بىردىنبىر مەقسىتى بولۇپ قالىدىغان بولسا، ئىنسانىيەت دۇنياسى تېزلا گۇمران بولىدۇ، كىشىلەر پۇل ئۈچۈن بىر - بىرىنى يەيدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا سەن كۆرگەن بارلىق ئىپلاس ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى مەقسەت قىلغاندىن كېلىپ چىققان ئازغۇنلۇق. شۇنى چۈشەنگىنكى، بىر ئۆمۈر ئەجىر قىلىپ تىكلىگەن قەدىر - قىممەتنى ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن يەكسان قىلغان ئادەم ئەقىللىق ئەمەس، ئادەممۇ ئەمەس. شۇڭا، توغرا، دۇرۇس ياشا، ئۆزۈڭنى بۇلغىما. شۇندىلا ھەر ئىككىسىدىن - پۇلدىنمۇ، قەدىر - قىممەتتىنمۇ مەھرۇم بولمايسەن.
ھەي پەرزەنت، دۇنيادا تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامىل بار. بىرى، ئىلىم - پەن، يەنە بىرى، ئىقتىساد. بۇ ئىككىسى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا، ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىغا ئوخشاش بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئالەم كېمىسى ياساش ئۈچۈن يۇقىرى پەن - تېخنىكا كېرەك. بىراق، يۇقىرى
ئىقتىسادىي ئاساس بولمىسا بۇ مەقسەتمۇ رېئاللىققا ئايلانمايدۇ. پۇللا بولۇپ ئىلىم - پەن بولمىسا، بىر پۈتلۈق ئادەمدەك مەنزىلگە يېتىش تەس، قاناتسىز قۇشقا ئوخشاش ئۇچۇش مۇمكىن ئەمەس.
كۈتتۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشتىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولدى. خەلقمۇ شۇنداق ياخشى غەمگۈزار يېتەكلىگۈچىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن مىڭ قەترە شۈكۈر قىلدى. خەلقنىڭ ياخشى بىر يولباشچىغا ئېرىشىشى نېمىدېگەن بەخت - ھە!
10. كۈنتۈغدى بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل خۇسۇسىدا سىرداشقانلىقى
كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. بىر كۈنى كۈنتۈغدى ئىلىگىنىڭ ئۆگدۈلمىش بىلەن سىرداشقۇسى كېلىپ، ئۇنى يېنىغا چاقىردى. ئۆگدۈلمىش كىرىپ قول باغلاپ سالام قىلدى ۋە ئىلىگە ئامانلىق تىلىدى. سالام - سائەتتىن كېيىن، كۈنتۈغدى ئىلىگ ئۇنىڭدىن سورىدى:
— ئوغلۇم ئۆگدۈلمىش، داداڭدىن سەن كىچىك قالغانىدىڭ، ئەسلىدە چوڭلار كىچىكلەرگە يول كۆرسىتەتتى، ساڭا داداڭنىڭ كۆپ ئەجرى سىڭمەي كېتىپ قالدى. ئۇ سەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگىتىشكە ئۈلگۈرەلمىدى، مەنمۇ ساڭا كۆپ ياردەم قىلالمىدىم، شۇنداق تۇرۇپ بۇنچە بىلىم بىلەن پەزىلەت ساڭا نەدىن كېلىپ توپلاندى؟
— ئەي شاھ ئاتا، سەلتەنىتىڭ ئۇزۇن داۋام قىلسۇن، — دەپ جاۋابقا ھازىر بولدى ئۆگدۈلمىش، — مەن ئۆز ئەقىل - پاراسىتىمگە، تەبىئىي ئىقتىدارىمغا تاياندىم. ئەڭ مۇھىمىي دادامنىڭ دۇئاسى ماڭا مەدەت بولدى. يەنە بىرى، قۇدرەتلىك ئىگەم مېنى سەندەك ئادالەتلىك، پەزىلەتلىك بەگكە ئۇلاشتۇردى. شۇڭا، ئىلىم ۋە پەزىلەتتە چەتتە قالمىدىم. ئادەمنىڭ كۆڭلى باغقا ئوخشايدىكەن، ئۇستازلارنىڭ سۆزى ۋە تەربىيىسى سۇغا ئوخشاش كۆڭۈل بېغىنى ياشارتىدىكەن. قايسى باغقا شۇنداق سۇ ئۆكسۈمەي كىرىپ تۇرسا، ئۇ باغدا تۈمەن خىل گۈل - چېچەك ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچىدۇ.
— ئۇنداق بولسا، — دەپ يەنە سوئال قويدى ئىلىگ، — ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر قانداق قىلغاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
— بولىدۇ ئالىيلىرى، بۇ سوئالغا جاۋابتىن ئۇل سالاي، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — ئىلىم دېگەن ئۇنى قەدىرلىگۈچىلەر ئۈچۈن كۈلۈپ باقىدۇ. ئىلىم بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، ئىنسانلارغا يول ئاچقان كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا شۇنداق ياراملىق تۇغۇلغان ئەمەس. دۇنيادا ھېچقانداق ئادەمنىڭ يەرگە چۈشۈپلا ھېكمەتتىن تىلى چىقمىغانغا ئوخشاش، بىلىممۇ بىر قەترە - بىر قەترىدىن يىغىلىپ، ئاخىرىدا تەشنا دىللارنىڭ ئۆسسۈزلۈقىنى قاندۇرغۇدەك شەربەت كۆلچىكىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما، بىلىم ئىگىلەشتە مۇنداق مۇھىم ئىككى ئالدىنقى شەرت بولۇشى كېرەك. بىرى، ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئەس - ھوشى جايىدا، ئەقلى تولۇق تۇغۇلۇشى كېرەك. ئەگەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئەقلى كەمتۈك، ھاڭۋاقتى تۇغۇلۇپ قالسا، ئۇنداقلارغا ھەر قانچە ئۆگەتسىمۇ تولۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەقلىي قابىلىيەت شۇنداق دەسمايىكى، ئادەم بالىسى شۇ ئەقلىي قابىلىيەتكە تايىنىپ بىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق بارا - بارا كامالەتكە يېتىدۇ. يەنە بىر شەرت شۇكى، ئىلىم - پەننىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىقىشنى تىلىگەن ئادەم ئەقىلنىڭ ساپ، بىغۇبار چاغلىرى بولغان بالىلىق ۋە ياشلىق مەۋسۈمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسۇن. بۇنداق مەزگىلدە كۆڭۈل غەيرىي خىياللار تۇزىقىدىن ئازاد، قەلب سەھنىسىمۇ ئازادە بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق چاغدا ئەستە ساقلاش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرى ھاياتنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. بالىلىق، ياشلىق پۇرسىتى قولدىن كەتكەندە، ئۆگىنەي دەپ ھەر قانچە كۈچسىمۇ تۇرمۇش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ غېمى بىلەن ئۆگىنىشمۇ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بەرمەيدۇ.
— جاۋابىڭنى ئاڭلىدىم، — دېدى ئىلىگ سوئالنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، — سەن ئەقىل بىلەن بىلىمنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ پەرقلەندۈردۈڭ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسەن؟ ئەقىل دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ ئورنى قەيەردە؟
ئۆگدۈلمىش بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: — ئەقىل ئادەم ئۈچۈن ئېسىل ۋە قىممەتلىك بايلىقتۇر.
ئۇنىڭ ئورنى ئۈستۈن مېڭىدە بولىدۇ. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئەڭ قىممەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۈستۈن مېڭىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر قانداق نەرسىنىڭ بېشى تۆۋەن قىسمىدىكى ئەزالارغا قوماندانلىق قىلىدۇ. بۇ ھاياتلىقتىكى بىر قانۇنىيەت. ئەقىل يەنە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگىكى، ئۇ يامان، ئەسكى قىلمىشلار ئۈچۈن كىشەن بولىدۇ، ئۇ تېنىڭ ئۈچۈن تىرىكلىك يولى تاپىدۇ، جېنىڭ ئۈچۈن مەنىلەر ئىزدەيدۇ. شۇڭا ئەقىللىق ئادەم بىلەن ئەقىلسىز ئادەمنىڭ تۈپ پەرقى شۇكى، ئەقىللىق تىرىك سانالسا، ئەقىلسىز ئۆلۈك بىلەن باراۋەر. ئادەمنىڭ تېنى گويا قاراڭغۇ ئۆيگە ئوخشايدۇ، ئەقىل چىراغ بولۇپ ئۇنى يورۇتىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقىلنىڭ ياردىمى، بىلىمنىڭ خاسىيىتى بىلەن يارىلىدۇ. كىشىلەر مۇشۇ ئىككى بايلىققا تايىنىپلا يۈكسىلىدۇ ۋە توغرا يول تاپىدۇ. ئەقىللىق ماختىلىدۇ، ئەقىلسىز ھەر قاچان ئەيىبتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەقىل ياخشىلىق ئۈچۈن كېچىك بولىدۇ. ئەقىللىق ئادەم سەۋرلىك، سىلىق، يۇمشاق پېئىللىق بولىدۇ، ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلمايدۇ، قوپاللىق بىلەن ئۆز قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ دىلى بارلىق جانلىقلار ئۈچۈن مېھرىبان بولىدۇ. ئەقىللىق ئادەمنىڭ سۆزى ھەممە يەردە ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ سۆزى نەدە بۇزۇلۇش، ئەسكىلىشىش ئەۋج ئالغان بولسا ئۇنى تۈزەشكە يارايدۇ. چۈنكى، ئەقىللىق ئادەمنىڭ قەلبىدىن چىققان سۆز قاتتىق ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئېرىتەلەيدۇ. كىشىلەر ئەقىلنىڭ سۆزى بىلەن ماڭسا پايدا ئالماي قالمايدۇ. ئەقىلنىڭ كۆزى ھەم شۇنداق ئۆتكۈركى، بىر قاراشتىنلا خېلى يىراق كۈنلەردە بولىدىغان ئىشلارنى تەسەۋۋۇر ئەينىكىدىن كۆرەلەيدۇ. ئەقىللىق ئادەم ھەر قانداق ئىشقا كىرىشسە پۇختا
قەدەم باسىدۇ، باسقان قەدىمدىن نەتىجە قازانماي تۇرۇپ ھەرگىز يالتايمايدۇ. ئۇ ئارىسالدى بولۇپ تېڭىرقاشنىڭ ئادەم ئالدايدىغان ئېزىتقۇ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەقىل ھەر قانچە بۇلغانغان نەرسە بولسىمۇ ئۇنى سۈزەلەيدۇ، ھەر قانداق مۇشكۈل تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدۇ، ھەر قانداق ئىشقا قەدەم بېسىشتا ئالدى - ئارقىغا، ئوڭ بىلەن سولغا ئەتراپلىق باقىدۇ، پۈتۈن ئىشقا جان بىلەن مۇۋاپىق ۋاقىت تاپىدۇ. ئەقىل ھەر ئىشنى ئوڭ ئىشلەيدۇ، تەتۈر ئىشلىمەيدۇ. ئۇنىڭ بارلىقى توغرىلىق، راستچىللىق بىلەن تولغان. ئەقىل مەككارلىق، ئالدامچىلىقتىن خالىي، ئەقىلنىڭ ئالدىدا ئىشنىڭ مۇشكۈلى يوق. چۈنكى، ئۇ ياۋاش، تىنچ، سەۋرلىك، ئېغىر بېسىق، تەمكىن بولغاچقا ئىشنى ئاۋۋال يېتەرلىك ئويلاپ، ئاندىن سالماقلىق بىلەن قول تىقىدۇ، يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدۇ. شۇڭا، يېڭىلىشىش كۆپ بولمايدۇ. ئەقىل ئۆزى ياشتا كىچىك، ئەمما قىلغان ئىشلىرى مويسىپتلاردەك ئېغىر - بېسىق. ئەقىلنى ھەر قانداق كىشى ياقتۇرىدۇ. ئەقىل كۆزى يوققا كۆز، «ئۆلۈك» تەنگە جان، گاچا تىلغا سۆز ئەمەسمۇ؟! شۇڭا ئەقىللىقلار ئەقىلگە: ئەي يولدىشىم، سەن ھەر قانداق ئىشىمنى تۈزەيدىغان ئەجەب ياخشى قولدىشىم، دەپ پەخىرلەنسە، ئەقىلسىزلار پۇشايمان بىلەن: ئەي ئەقىل، سېنىڭسىز تولا غەمدە ئۆتمەكتىمەن، سېنىڭدىن ماڭا بىر ئۈلۈش تەگمىدى، كىشى كۆڭلى سەنسىز ھايات ئەمەسكەن، ھايات بولسىمۇ ساپاسى بولماسكەن، دەپ پەريادلار چېكىدۇ.
تەنبىھ: ئەقىل تاپ، ئەقىل بىلەن ئىش قىل
ئەي ئوغلۇم، ئەقىل - پاراسەتنىڭ نامىغا قويۇلغان ئۆگدۈلمىشنىڭ ئەقىل توغرىسىدىكى تەرىپىنى ئاڭلىدىڭ. بۇ دۇنيادا ياشاشنى، دۇنيانى ئەقىل بىلەن كۆزىتىشنى ئىنسانىي
مەجبۇرىيىتىڭ قىلغىن. ئەقىل گۈلىستانىڭنى ئىلىم - پەن بىلەن بېزىگىن، ئەقىللىقلاردىن ئۆگەنگىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە ئۈلگە قىلغىن. ھارماي ئۆگەنسەڭلا، ئەقلىي قابىلىيىتىڭ تۆۋەنرەك بولغان تەقدىردىمۇ ئەقىل يولىنى ئاچالايسەن. ئەقىل ئىگىسى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۈلۈغى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئەقىل كىشى ئۈچۈن ئالىيجاناب پەزىلەتلەرنىڭ مەنبەسى بولىدۇ. ئەقىلسىز كىشىلەرنى ئادەم دەپ ساناشقا ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە باشقا كىشىلەرمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئەقىللىق كىشىلەرنى قانچىلىك ھۆرمەتلىسە ۋە قەدىرلىسە ئەرزىيدۇ. قىممەتلىك نەرسىلەرنى قەدىرلەش پەرىزدۇر.
ئوغلۇم، ئۆزۈڭگە ئاتا قىلىنغان بۇ مۇقەددەس ئەقىلنى خار قىلمىغايسەن، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ۋەتەن - خەلقىڭ ئۈچۈن شان - شەرەپ قۇچقايسەن.
كۈنتۈغدى ئىلگى ئۆگدۈلمىشنىڭ تىلى سىزىپ بەرگەن ئەقىل تەسۋىرىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتتى ۋە:
— ئەي سەگەك ئوغۇل، سۆزلىرىڭدىن ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ جۇلاسىنى كۆردۈم. خۇدا ماڭا كۆپ ياخشىلىقلارنى بەرگەنىدى، سەن ئاللانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى. سەن جاپادىن، ھېرىش - چارچاشتىن قورقماي، كېچە - كۈندۈز ئەلنىڭ غېمىنى يەۋاتىسەن. كۆيۈمچان، ئەقىللىق ئادەم مانا سەندەك ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ. بۇ ئەجرىڭنى ئاللا ئۆزى بەرگەي. ئەي ئۆگدۈلمىش، ئەمدى ماڭا بىلىمنىڭ خاسىيىتى ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاشنىڭ ھېكمىتى نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ كۆڭلۈمنى يورۇتقىن، — دېدى.
11. ئىلىم - پەن تەرىپى
ئۆگدۈلمىش ئىلىم - بىلىمنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە سۆز
ئېچىپ، ئاغزىدىن مۇنداق دۇردانىلەرنى تۆكۈشكە باشلىدى: — ئەقىل - پاراسەت قاراڭغۇ تۈندىكى مەشئەلگە ئوخشايدۇ، بىلىم چىراغقا ئوخشاش ئەقىل سارىيىنى يورۇتىدۇ. ھەر قانچە ئەقىللىق بولغان كىشىمۇ بىلىم ئۇنىڭ قەلب سارىيىنى يورۇتمايدىكەن، ئۇنىڭدىكى ئەقىل ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلالمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق قەدىر - قىممەت ئەقىل - ئىدراك ۋە ئىلىم - پەندىن كېلىدۇ، ئەقىل - ئىدراكسىز، بىلىمسىز ئادەم بىر ئوچۇم لاي بىلەن باراۋەر. ھەممە ئادەم كىيىم كىيىدۇ. بىراق، قەدىر - قىممەت كىيىم - كېچەك بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى يەنىلا ئەقىل - ئىدراك ۋە بىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ. كىمدە ئەقىل بولسا ئۇ ئېسىل ئاتىلىدۇ، كىمدە بىلىم بولسا ئۇ خان ئاتىلىدۇ. ئىنسان بالىسى بۇ قوڭۇر تۇپراققا قەدەم قويغاندىن بۇيان ھەر قانداق مۇشكۇل ئىشنىڭ يولىنى بىلىم بىلەن تاپتى. شۇڭا ئەقلى ئازنى ئاز دېمە، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ، بىلىمى ئازنى ئاز دېمە، ئۇنىڭ قەدرى كۆپ بولىدۇ. دانا ھېكىملار مۇنۇ تۆت نەرسىنى ھەرگىز ئاز دەپ قارىما دېگەن: بىرى، ئوت. يەنە بىرى، دۈشمەن. ئۈچىنچىسى، ھاياتنىڭ تۇزىقى بولغان كېسەللىك. تۆتىنچىسى، ئىلىم ھەم ھۈنەر. بۇلار ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، پايدىسىمۇ كۆپ، زىيىنىمۇ ئاز ئەمەس. خۇددى ئېلىم - بېرىمغا ئوخشاش، بۇلارنىڭ بىرى سېنى مەنپەئەتدار قىلسا، يەنە بىرى سېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بىلىم دېگەن كىمىياغا ئوخشايدۇ، ئۇ ساڭا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەقىل سارىيىغا توپلايدۇ. بىلىم شۇنداق مۇقەددەس
بايلىق. ئۇنى ئوغرى ۋە قاراقچىلارمۇ ھەرگىز ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. ئىتنى باغلاقتا، ئاتنى تىزگىندە تۇتقاندىلا ئاندىن ئۇلارنى ياخشى باشقۇرغىلى بولغانغا ئوخشاش، ئىلىم ۋە ئەقىل سېنى يامان ئىشلاردىن توسقۇچى كىشىن بولالايدۇ. ئەقىل - ئىدراك سەن ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك ئاداش، بىلىم بولسا ئەڭ مېھرىبان قېرىنداشتۇر. بىر تۈرك ماقالىدا شۇنداق دېيىلگەن: ئاقىلغا ئۆز ئەقلى دوستلۇققا يارار، نادانغا ئۆز ئېتى قاغىش ياغدۇرار، بىلىملىككە بىلىمى تون ۋە ئاش، بىلىمسىزگە قىلىقى يامان بىر ئاداش.
تەنبىھ: ئادەمنىڭ قەدىر - قىممىتى بىلىمدە
ئېھ، قەدىرلىك ئوغلۇم، سېنىڭ كۆزۈڭ ئېچىلىپ، ئەقلىڭگە كېلىپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىڭنى تونۇشتۇر. ئۆزۈڭنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىڭنى بىلەلسەڭ ئۆزۈڭگە ئادىمىيلىك تەلىپىنى قويالايسەن. ئىنسانىيەتمۇ دۇنياغا تۆرىلىپ ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن باشلاپلا پەن - مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان.
بالام، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى بۈيۈك. پەقەت ئۇلارنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگە بىرلا، ئۇ بولسىمۇ كىشىنىڭ بىلىمىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىدۇر. بىلىملىك ئادەملەر ھەر قانداق جايغا بارسا قەدىر - قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر ھەر قاچان خار ۋە ئېتىبارسىز قارىلىدۇ. چۈنكى، بىلىملىك ئادەم گۆھەرگە ئوخشاش ھەممە يەرگە زىننەت ۋە بايلىق بولىدۇ، بىلىمسىز ئادەم كىشىلەرگە يۈك بولۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. نادانلىقنىڭ يىلتىزى يوقىلىش ۋە ھالاكەت مەنبەسىدىن سۇ ئىچىدۇ.
بالام، ئۆزۈڭ ئورۇن جەھەتتە باشقىلاردىن تۆۋەنرەك ئورۇندا
تۈرۈۋاتقان بولساڭمۇ، ئۆزىنى يۇقىرى چاغلايدىغانلارغا ئوخشاشلا ئىدراكلىق ئىنسان ئىكەنلىكىڭنى تولۇق ھېس قىلىشنىڭ كېرەك. دەۋرداشلىرىڭدىن ئەقىل - پاراسەتتە، ئىلىم - پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تولىمۇ نومۇسلۇق ئىش. ئادەم تۈرۈپ ئادىمىيلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۈرۈپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا، ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نومۇس قىلىش توغرا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقىڭدىن نومۇس قىل، خورلۇق ھېس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تۇيغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەن ئالدىنى ۋاتقانلىقىڭنىمۇ، ھاقارەتلىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ ھېس قىلالمايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچىلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن. شۇڭا، ئاقىللار ئېيتقانكى، بۇ دۇنيادا بىلىملىك ئادەملەرنىڭ ئازابى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، بىلىمسىز نادانلار ئەڭ بەختلىك بولىدۇ. سەۋەبى شۇكى، بىلىملىك ئادەملەر ئۆزى مەھرۇم بولۇۋاتقان ھەر بىر تىنىقى، خاتا بېسىپ قويغان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئازابلىق كېچىكلەردە ئاقىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ناھەقچىلىقلارغا، تەڭسىزلىكلەرگە، زۇلۇم ۋە خورلۇقلارغا ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. نادان، بىلىمسىزلەر بولسا قورسىقى تويسىلا ئۆزىنى جەننەتكە كىرگەندەك ھېس قىلىدۇ، بىر يېڭى كىيىم كىيسىلا ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئېسىلىزادە ھېسابلايدۇ. ئۇلاردا ھەق - ناھەق تۇيغۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋىجدانىمۇ كۆپ ئازابلانمايدۇ.
ئوغلۇم، بىلىم ئىگىلەشكە ئىشتىياق بىلەن كىرىشكىن، بىلىمسىز، ھۈنەرسىز كىشىنىڭ ھېچبىر كىشىگە پايدىسى
تەگمەيدۇ. بىلىمسىز، ھۈنەرسىز كىشى قۇرۇق خادىغا ئوخشايدۇ، قۇرۇق خادا ھەتتا گۆرىگىمۇ سايە چۈشۈرمەيدۇ. ئادەم ھۈنەر – بىلىم بىلەن ھەقىقىي ئادەمدۇر، بولمىسا ھايۋاندىن ھېچقانچە پەرقى بولمايدۇ، ھەتتا ھايۋانمۇ بىلىمسىز ئىنساندىن ياخشىراق. ئادەم كىيىم – كېچەك، چىراي – تۇرق بىلەنلا ئادەم ھېسابلانمايدۇ. سەن بايلىقى بىلەن ئۆزىنى ھەممىدىن يۇقىرى چاغلايدىغان كىشىلەردىن بولمىغايسەن. ھەر قانداق شان – شەرەپ ۋە ئابرۇي ئىلىم ئارقىلىق تىكلەنگەن شانۇشۇھرەتتىن ئۈلۈغ بولمايدۇ. سەن ئۈلۈغ كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا قەدىرلىك بولۇۋەرمەيسەن. سەن ئاتا – ئاناڭدىن قالغان نام – مەنسەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەقىل – پاراسىتىڭ ۋە ئىلىم – ھۈنەرىڭ بىلەن ئىپتىخارلان. ئۇچاڭدىكى كىيىم – كېچەك، زىبۇزىننەت قۇرۇق سۆلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۈ سېنىڭ ئالىيلىقىڭغا گۇۋاھ بولالمايدۇ. ئەگەر ئۈستۈشىڭ كاتتا بولۇپ، ئىچىڭ كاۋاك بولسا قۇرۇق ھەيكەلدىن پەرقلەنمەيسەن. ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا، ئىزىڭدا تەمتىرەپ قايمۇقۇپ يۈرمە، يىراققا نەزەر سال، ئورنۇڭغا قارا، دەۋرىڭگە قارا. بىر دەۋردە، بىر ئەسىردە ياشاپ تۇرۇپ تۇرمۇشۇڭ، تەسەۋۋۇرۇڭ، مەقسىتىڭ، غايەڭنىڭ قايسى سەھرايى كەبىرلەردە قالغانلىقىنى ئويلا. سەنمۇ دەۋرداشلىرىڭ قاتارىدا تۇرۇشقا، ھەتتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا تىرىشقىن. ھەسرەت – نادامەت، يىغا – زار سېنى قىيىن، مۇشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق تەس تۈگۈنى ۋە مۇشكۈللۈكنى ئىلىم ۋە ھۈنەر ئارقىلىقلا يەشكىلى، ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئىلىم – ھۈنەرلىك ئادەم دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئىلىم – ھۈنەر ئالدىدا ھەر قانچە كۈچ – قۇدرەتمۇ مەغلۇپتۇر. بىلىمسىز، نادان مىللىي ئادەمدىن كۆرە ھۈنەرلىك بىر ئادەم يۈكسەك تۇرىدۇ. ئىلىم – ھۈنەرىڭ بولسا ھەر قانداق چاغدا خارلىق كۆرمەيسەن. ھۈنەرسىز
ئادەم موھتاجلىقتىن باشقىغا يارىمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق خاسىيەتلىك ئىشلار، يېڭى مۆجىزاتلار ئىلىمنىڭ ۋە ھۈنەرنىڭ كارامىتى ئەمەسمۇ؟ كۆرمىدىڭمۇ، باشقىلار ئەقلىنى ئىلىم - پەن، ھۈنەر - سەنئەت بىلەن بېزەپ، ياخشىلىق ۋە يۈكسەكلىكنىڭ يولىنى تاپتى. چۈنكى، ئۇ بارلىق خاسىيەتلەرنىڭ مېۋىسى. سەن ئۈنىڭغا تايانساڭ شۈبھىسىز ئاسمان سارىيىنى ماكان تۇتالايسەن، ئۇ ھەم ساڭا ئالتۇن قانات بولىدۇ.
بىز يەنە كۈتتۈغدى ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆھبىتىگە قايتايلى. كۈتتۈغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشتىن سورىدى:
— ئەي ئوغلۇم، سەن ئىلىم - پەننىڭ خاسىيىتىدىن گۈلدەستە تىزىپ قەلبىمنى خۇش پۇراققا تولدۇردۇڭ. ئەمدى ئىلىم ئىگىلىگەن ئادەم ئۇنى قانداق ئورۇنغا ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە قارشىڭنى دەپ باققىن.
— ئەي شاھ ئاتا، ئادەمنىڭ بىلىم ئىگىلەشتىكى مەقسىتى ئىككى خىل. بىرى، ھەسەل ھەرىسى بال يىغقاندەك ئەجىر بىلەن توپلاش. يەنە بىرى، ئىمكانىيەت تۇغۇلغاندا ئورۇنلۇق يەرگە ئىشلىتىش. ئادەم جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلىم دۇردانىلىرىنى قەلب دېڭىزىدا يېتىلدۈرىدۇ، ئەمدى ئۇنى جايىغا سەرپ قىلىشتىمۇ خېلى كۆپ مۇشەققەتلىك مۇساپىلەرنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. خەزىنىدە دۇر، گۆھەرلەر تولۇپ ياتقىنى بىلەن ئۇنى ئىشلەتمىسە نېمە پايدا؟ ئادەم ئىلىم ھەم ھۈنەرنى پەقەت قەلب بوستانىنى بېزەش ئۈچۈنلا ئۆگەنگەن بولسا، ئۇنىڭ ھېچبىر قىممىتى بولمايدۇ. بىلىمنىڭ قەدىر - قىممىتى باشقىلار ئۈچۈن ھەم ئۆزى ئۈچۈن قىممەت يارىتىشتا.
ئېھ، ئەقىل ئىگىسى، ئەقلىڭنى، بىلىم - ھۈنەر بايلىقىڭنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغىن، ئەگەر بىلىم - ھۈنىرىڭنى يامان ئىشلارغا ياكى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلساڭ، ئېشەككە ئالتۇندىن تاقا قاققاندەك، گۆھەرنى تاشقا ئۇرغاندەك بولىدۇ. ئىلىمنى گۈزەل ئىستىقبال ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، ئىلىم - ھېكمەتنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن كۆكتە ئۇچقىن.
12. ئىككى زاتنىڭ ھاكىمىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سىرداشقانلىقى
كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ ئېلى خۇشال - بەختىيار ئۆتمەكتە ئىدى. باشقا ئەل خەلقلىرىمۇ كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇشاتتى. شۇنداق قىلىپ يەنە ئايلار، يىللار كەينى - كەينىدىن ئۆتۈۋەردى.
كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ ھۇزۇرىدا، ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش يەنىلا ھاياتتىكى نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە قىزغىن سۆھبەتلەشمەكتە ئىدى.
— ئۆگدۈلمىش، سورىغانلىرىمغا كۆڭلۈڭدە نېمە بولسا يوشۇرماي شۇنى دېگىن، — دەپ ئەمر قىلدى ئىلىگ، — ئادەمنىڭ يەتتە ئەزاسىغا باقىدىغان بولساق، ھەر بىر ئەزا ئۆز ئۈلۈشىنى ئالىدىكەن. مەسىلەن، ئېغىز تاتلىق نەرسىدىن، قۇلاق يېقىملىق ئاۋازدىن زوقلىنىدىكەن، ئۇنداقتا كۆڭۈل زوقى نېمە، كۆز زوقىچۇ؟
— دۇرۇس ئالىيلىرى، كۆڭۈلمۇ ئۆزىنىڭ زوقىنى ئىزدەپ تەقەززا بولىدۇ، دەل شۇ تەقەززالىقنىڭ ئۆزى كۆڭۈل لەززىتىدۇر. كۆزنىڭ زوقى بولسا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ياكى نەرسىنىڭ دىدارىنى كۆرۈشتۈر، كۆڭۈل ئارزۇسىغا قېنىش زوقىدۇر، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش.
— ھەممە ئادەم سۆيىمەن دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئۇنداقتا ھەقىقىي سۆيۈملۈكنىڭ نىشانى نېمە؟
— خوپ ئالىيلىرى، مەن بۇنىڭ جاۋابىنى بېرەي، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ نىشانىنى يۈزىگە قاراپ بىلگىلى بولىدۇ. كۆزنىڭ ھەممە نەرسىنى توسالغۇسىز كۆرەلىشى
مۇمكىن ئەمەس، بىراق، كۆڭۈل كۆزى ئۈچۈن ھېچقانداق توسۇق بولمايدۇ. ھەقىقىي ئەقىدىنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن كۆڭۈل رايىغا قاراش كۈپايە. ئادەمنىڭ چېھرىدە ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرۈش ئالامەتلىرى زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر كۆز - كۆزگە ئۇدۇل باققاندا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. — يەنە سورايدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلار بار، ئويلىنىپ جاۋاب بەرگەن بولساڭ، — دېدى ئىلىگ.
— ئەي شاھ ئاتا، سەن ئىلىمدىمۇ ئەلنىڭ بېشىسەن، سېنىڭ بىلىمىڭ ئالدىدا مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم نېمىگە ئەرزىسۇن؟! سورىماق ئوڭاي ئالىيلىرى، مۇشكۈلى جاۋاب بەرمەكتۇر. ئوڭىيىنى ئۆزۈڭ ئېلىپ، قىيىنىنى ماڭا قالدۇرۇپ قويما، — دەپ ئۆزرە ئېيتتى ئۆگدۈلمىش.
— ئوغلۇم، سورىغۇچى ھاجەتمەن بولغانلىقى ئۈچۈن سورايدۇ، مېنىڭ ھاجىتىمنى ئورۇنداپ ساۋابقا ئېرىشكىن. — مۇبادا قۇلنىڭ قۇربى يەتسە بەگنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىش ۋاجىپتۇر. مەن سۆزلەي، سۆزلىرىمدە يېڭىلىشىش بولسا كەچۈرگەيسەن، — دېدى ئۆگدۈلمىش. — ئۆگدۈلمىش، ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم، دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ قانداق بولۇشى كېرەك؟
— ئەي ئىلىگ ئاتا، مەندىن تولىمۇ يۇقىرى سوئالنى سورىدىڭ، — دېدى ئۆگدۈلمىش تۆۋەنچىلىك بىلەن، — بەگلىكنىڭ ئىشلىرىنى بەگلەر ئۆزى ياخشى بىلىدۇ.
— توغرا سۆزلىدىڭ، ئىشنى قىلغۇچى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن، كۆرۈپ تۇرغۇچى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. قۇسۇر ۋە ئارتۇقچىلىقلار كۆرۈپ تۇرغۇچىغا تولىمۇ روشەن سېزىلىدۇ. سەن ئەقىللىق ۋە زېرەكسەن، بىلىدىغانلىرىڭ كۆپ، شۇڭا كۆڭلۈڭدىكىنى يوشۇرماي ئېيتقىن. ئۆگدۈلمىش خەلققە بەگ بولغۇچى كىشىنىڭ شەرتلىرى ۋە
ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر ئوپېراتسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى:
— ئالىيلىرى، دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى ئومۇملاشتۇرغاندا مۇنداق ئون شەرتكە مەركەزلىشىدۇ:
بىرىنچى، ئەسلى نەسلى ئېرىغ ۋە ئېسىل بولۇشى كېرەك. بەگلىك پاك، شۇڭا ئۇمۇ پاكلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ساپ ئادەمنىڭ دىلى پاك بولىدۇ، يامانلىق قىلىشتىن قورقىدۇ.
ئىككىنچى، بىلىمدە خىللانغان، ئەقىل - پاراسەتتە كامالەت تاپقان بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، بەگلەر پەزىلەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن بولسۇن. تۆتىنچى، سېخىي، مەرد، قولى كەڭ بولسۇن، خەسىس بولمىسۇن.
بەشىنچى، خۇش چىراي، مۇلايىم، خۇش پېئىل بولسۇن، تەكەببۇر بولمىسۇن.
ئالتىنچى، مۇنداق يەتتە ئىشتىن يىراق بولسۇن: ئالدىراقسانلىق؛ ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق؛ ئاچ كۆزلۈك؛ مەغرۇرلۇق؛ جاھىللىق؛ غەرەزلىك بولۇش؛ ھاراقكەشلىك. يۇقىرىقى ئىشلار دۆلەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ.
يەتتىنچى، بەگلەر يالغانچى بولمىسۇن، ۋەدىدە تۇرىدىغان بولسۇن. سەككىزىنچى، بەگلەر ھايالىق، ۋىجدانلىق بولسۇن، يارىماس ئىشلاردىن ھايا توسىدۇ.
توققۇزىنچى، بەگلەر ھۆسن، سالاپەتتە كېلىشكەن بولسۇن. ئونىنچى، ئادىل قانۇن يۈرگۈزسۇن، ئادىل بولسۇن. ئالىيلىرى مۇشۇنداق ئادەمدىن ئەلگە مەنپەئەت يېتىدۇ.
— بەگلەرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىڭنى ئۇقتۇم، ئەمدى بەگلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىر - ۋۇزرالىرى، ئەلەمدار - قەلەمدار بەگلىرى قانداق
شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟
ئۆگدۈلمىش ئىلىگىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، دۆلەت كاتتىلىرى بولمىش كىشىلەرنىڭ ئۆلچىمىدە مۇنداق تون پىچىپ مۇنداق دېدى:
— ئەي بەختلىك شاھ، بۇ شەرتلەرنى تۆۋەندىكىلەر مۇجەسسەملىسەڭ بولىدۇ:
بىرىنچى، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئەلنىڭ مەنپەئىتىگە ئاتىغان سەرخىل، ساداقەتمەن كىشىلەردىن بولسۇن. ئىككىنچى، چىرايلىق، پاكىز، چاچ - ساقىلى يارىشىملىق، كېلىشكەن بولسۇن. چىرايلىق ئادەمنىڭ ئىشلىرىمۇ چىرايلىق بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇلار ئىلىم ۋە پەزىلەتتە توشقان، ھېسابتا پىشقان، خەت يېزىشتا كامالەت تاپقان بولسۇن. تۆتىنچى، خەلقپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر بولسۇن. بەشىنچى، تىلى بىلەن دىلى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولسۇن.
ئالتىنچى، يۈرەكلىك، جۈرئەتلىك، باتۇر، شەخسىيەتسىز بولسۇن.
يەتتىنچى، پارىخور، نەپسانىيەتچى بولمىسۇن، پارا پىشقان ئاشنى خام قىلىدۇ، ئوڭۇشلۇق ئىشنى بۇزىدۇ. سەككىزىنچى، دىنى كامىل، ئىمانلىق بولسۇن.
توققۇزىنچى، تەمەخور، ئىككى يۈزلىمىچى بولمىسۇن، خىيانەتتىن يىراق بولسۇن. خىيانەت قەيەرگە قول ئۇزاتسا دېڭىز سوغۇلۇپ يەرلەر قۇرۇيدۇ.
تەنبىھ: باش ياخشى بولسا ئەلنىڭ بەختى
ئوغلۇم، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ بېشى بولىدۇ. ھەر قانداق
ئىجتىمائىي گۈرۈھ ۋە تەشكىلاتلارنىڭمۇ بېشى بولىدۇ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھەم بېشى بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ياخشى يۈرۈشۈش ياكى يۈرۈشمەسلىكى باش بولغۇچىنىڭ ياراملىق - يارامسىزلىقىغا باغلىق بولىدۇ. باش ياخشى بولسا ئىشلارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر باش ناچار بولسا ئىشلارنىڭ ئاخىرى ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. شۇنداق قىياس قىلغىنىكى، ئارسلان ئىتلارغا باش بولسا، بارچە ئىتلار ئارسلانغا ئوخشاش بولىدۇ، ئەگەر ئىتلار ئارسلانغا باش بولۇپ قالسا، ئارسلانلارمۇ ئىتلارنى دوراپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەلگە باش بولغۇچى بولسۇن، ئائىلە باشلىقى بولسۇن، ھەتتا سىنىپ كوللېكتىپنىڭ باشلىقى بولسۇن كۆپچىلىكنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، باش مەسىلىسىگە ھەرگىز سەل قارىما. ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ باش بولۇشىنى قوللاش، ئۇلارغا ئەگىشىش لازىم. ئەگەر باش بولغۇچىنىڭ يارامسىزلىقى بايقالسا دەرھال كۆپچىلىك بىلەن بىرگە باش بولغۇچىنى ئالماشتۇرۇش تەرەپدارى بولۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئادەملەرنى باش قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. يەنە شۇنىڭغىمۇ ئېتىبارسىز قارىماسلىقىڭ لازىمكى، ئەلنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشلامچىنى تاللاش ئىشىدا، تۇغقىنىم، دوستۇم، يېقىنىم دەپ ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن چوغ تارتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، قابىلىيەتسىز، پەزىلەتسىز ئادەم ھەر قانچە سېنىڭ ئۆز ئاكاڭ ياكى ئىنىڭ بولسىمۇ كۆپچىلىككە ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيلا قالماي، ھەتتا زىيان سالىدۇ، ساڭىمۇ قىلچە نەپ بەرمەسلىكى مۇمكىن. قابىلىيەتلىك ۋە پەزىلەتلىك ئادەم ئومۇمىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ ھەم كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، شۇ قاتاردا سەنمۇ مەقسىتىڭگە يېتىش ئۈچۈن ياخشى يولباشچىغا ئېرىشكەنلىكىڭنى ھېس قىلىسەن. شۇڭا «ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ» دېگەن
ئەقىدە بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلققە كىم پايدىلىق بولسا شۇنى باش قىلىش كېرەك. بۇنداق قابىلىيەت ئەگەر ئۆزۈڭدە بولسىمۇ جۈرئەتلىك ھالدا مەيدانغا چىقىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستۈڭگە ئېلىشنى تەلەپ قىلساڭمۇ بولىدۇ.
— ئەي ئەلنىڭ باشپاناھى ئىلىگ، سورىغىنىڭغا يارىشا تېگىشلىك جاۋابنى بەردىم. قانداق قىلىش كېرەكلىكى ۋە داۋاسىنىمۇ سۆزلىدىم. ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بىر سۆزۈم بار ئىدى، ئىجازەت بېرىلسە سۆزلەي، ئەگەر ئاڭلاشنى خالىمىساڭ كۆڭلۈمدە پىنھان قېلىۋەرسۇن، — دەپ ئۆتۈندى ئۆگدۈلمىش. — ئەي ئاقىل ئوغلۇم، بىلىمدە دېڭىزسەن، ئەقىلدە دەرياسەن، ھەر قانداق سۆزنى سەندىن ئاڭلاش ھاياتقا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ، — دەپ ئىجازەت بەردى ئىلىگ.
— يۇقىرىدا بەگلەرگە خىزمەت قىلغۇچى خادىملارنىڭ قانداق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى توغرىسىدا سۆزلىدىم. خىزمەتچىلەر ئۈستىدە بەگلەرنىڭ ھەققى بولغانغا ئوخشاش، بەگلەر ئۈستىدىمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ھەققى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ ھەققى تولۇق ئادا قىلىنمىسا زورلۇق - زومبۇلۇق بولۇپ قالىدۇ، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
ئۆگدۈلمىش پاراسەت مەشۇتى بىلەن كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى خىزمەتچىلەر ئۈستىگە مۇنداق چىگدى.
13. خىزمەتچىلەر ۋە پۇقرالارنىڭ باش بولغۇچى كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرى
— ئەلگە باش بولغۇچىلارنىڭ ئەلنىڭ خىزمىتىنى جايىدا ئادا قىلىشى مۇشەققەتلىك بولغانغا ئوخشاش، ئالىيلىرى، خىزمەتچىلەر ۋە پۇقرالارنىڭ بەگلەرنىڭ دېگەن جايىدىن چىقىپ بۇرچىنى ئادا قىلىشىمۇ تولىمۇ مۇشكۈل. ئەلنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بەگنىڭ مەنپەئىتى بىر. خىزمەتچىلەر ۋە پۇقرالار بېگى ئۈچۈن ئىسسىق - سوغۇق، ئاچ - توق، ياياق ھەم يېلىڭ دېمەي جاپا چېكىدۇ، تارتمىغان مۇشەققىتى قالمايدۇ، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا تەق بولۇپ تۇرىدۇ. باش بولغۇچى پۇقرالارنىڭ بۇ ئەجرىنى بىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلىشى كېرەك. چۈنكى ئەلنىڭ بېشى شۇ خەلق بولغاندىلا ئاندىن باش بولالايدۇ، بولمىسا قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولۇپ قالىدۇ. باشچىنىڭ قولىمۇ شۇ خەلق بىلەن ئۆزىرايدۇ، يەككە - يېگانە باشلىقنىڭ قولىدىن ھېچنەرسە كەلمەيدۇ. شۇڭا، باشلىق بولساڭ خەلقنىڭ ئۈلۈغلۈقىنى بىل، پۇقرا بولساڭ ئەڭگۈشتەرنىڭ ئۆزۈڭنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەن. باشلىق بولغۇچى كىشىدىن پۇقرالار كۆپلىگەن ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئالدى بىلەن خەلقنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغىن، كىيىمىنى پۈتۈن قىلغىن. ئەلگە باش بولغۇچى خەلقنىڭ بېشىدىكى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتەلمىسە، ئۇنىڭ باش بولغىنىدىن نېمە پايدا؟!
ئەلگە باش بولغۇچىنىڭ بىر مەجبۇرىيىتى بولسا قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى مۇھىم ئىشلارغا قويۇش؛ يەنە بىرى، خىزمەتچىلەرنىڭ
قىلغان ئەمگىكىگە، كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە باراۋەر ھەق بېرىشتۈر. كىشىنىڭ ئەقىدىسىنى، ئەجرىنى بىلمىگەن كىشى ئادىمىگەرچىلىكتىن مەھرۇم بولىدۇ. قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئەلگە نەپ بېرەلەيدۇ. كونىلار دېگەنكى: پايدا كەلتۈرەلەيدىغان قۇل نەپ بەرمەس ئوغۇلدىن ياخشى، مەنپەئەتسىز ئوغۇلنى دۈشمەن بىلىپ ئاگاھ بول. چۈنكى، مەنپەئەتسىز ئادەم ئۆلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۆلۈكتىن ئۈمىد كۈتكىلىك ئەمەس. دۇنيادا ھەر قانداق ئادەم پايدا – مەنپەئەت قوغلىشىدۇ، پايدا بولمىسا ئۈۋچىمۇ ئوۋغا چىقماي ئۆيىدە قېرىغان بولاتتى.
تەنبىھ: مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىل
ئوغلۇم، ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆزىگە ئازراق قوشۇمچە قىلىپ ئۆتەي. مەنپەئەت قوغلىشىش بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق بىر ھادىسە، لېكىن ئۇنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ھاياتلىقتا مەنپەئەتكە ئىنتىلمەيدىغان، مەنپەئەتكە قىزىقمايدىغان ئادەم بولمايدۇ. چۈنكى، كىشىلىك تۈرمۈشتا ئادەم ياشاش ئۈچۈن تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى شەرت – شارائىتلارغا موھتاج بولىدۇ. لېكىن، بەزىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى، بەزىلەرنىڭ تۆۋەن بولىدۇ. بۇنداق ئېھتىياجنى بەزىلەر توغرا يول بىلەن قاندۇرسا، يەنە بەزىلەر خاتا يول ۋە خاتا ئۇسۇل بىلەن قامداشقا تىرىشىدۇ. مەقسەت ئوخشىمىسا نەتىجىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇسۇل، تەدبىرنىڭ قانداق بولۇشى كېيىنكى نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مانا شۇنداق تۈرمۈش ئېھتىياجى ۋە مەنپەئەت كىشىلەردە شۇنداق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجىنى تۇغدۇرغان. شۇنى بىلگىنكى، ئادەم ئىزدىنىشتىن، ھەرىكەتتىن بىر كۈن توختايدىكەن، ھاياتلىق مەنبەسى ئۈزۈلىدۇ.
ھەي مېھرىبان بالىلىرىم، مەنپەئەت مەسىلىسىدە مۇنداق بىر
مەسىلىنى توغرا پەرقلەندۈرۈۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەنپەئەت مۇناسىۋىتى كۆپ مەزمۇن ۋە قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مەن» نىڭ مەنپەئىتى «سەن» نىڭ مەنپەئىتى، «ئۇ» نىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقىلار. بۇنى تېخىمۇ كېڭەيتكەندە شەخسىي مەنپەئەت، ئائىلە مەنپەئىتى، يۇرت مەنپەئىتى، مىللەت مەنپەئىتى، ۋەتەن مەنپەئىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى قاتارلىقلارغا كېڭىيىدۇ. بۇنداق كۆپ قاتلاملىق مەنپەئەت باغلىنىشىدا بىرى يەنە بىر سىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىلىش كېرەككى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەنپەئىتى ئەل - ۋەتەننىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ، خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى بىر دەريا دېسەك، سېنىڭ مەنپەئىتىنىڭ بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ. تامچە سۇ ھەرگىزمۇ يەككە - يېگانە ھەرگىزمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، ئۇ پەقەت دەرياغا قوشۇلغاندىلا مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. شۇڭا، سەن ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماستىن، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ.
ئوغلۇم، خەلقىمىزدە ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەت سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلگەن. تارىخنى ۋاراقلىساق نۇرغۇنلىغان باتۇر ئوغلانلار ۋەتەن ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان. بۇنداق روھ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىمىگەنلىكى ئەمەس، ئەكسىچە ئەڭ يۈكسەك تۇيغۇدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن بىر گەۋدە دەپ قارىغانلىقىدۇر. چۈنكى، ۋەتەن دېگەن ھەر بىر شەخسنىڭ ھاياتلىق ماكانى، خەلق بولسا مۇقەددەس ئانا. ۋەتەن خاراب بولسا، خەلق خانىۋەيران بولسا، شۇ ۋەتەندە ياشاۋاتقان سېنىڭ تەقدىرىڭ قانداق بولىدۇ؟ شۇنى بىلگىنكى، ۋەتەن تۇپرىقىدا
ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى سېنىڭ ئاتا - ئاناڭ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭ ۋە دوست - بۇرادەرلىرىڭ، سېنىڭ تەقدىرىڭ ئۇلار بىلەن قان بىلەن گۆشتەك باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا، ۋەتەن ئۈچۈن قان - تەر ئاققۇزۇش، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىش ھەر بىر ۋەتەنداشنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.
ئۆگدۈلمىش جاۋابىنى داۋاملاشتۇرماقتا:
— ئەلنىڭ يېتەكچىسى باش بولسا، خەلق بىلەن ساداقەتمەن خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ قانات - قۇيرۇقى ھېسابلىنىدۇ. قانات - قۇيرۇقسىز قۇش ئۇچالمايدۇ، ئالىيلىرى. قاناتنىڭ سېنى ئۈچۈرۈشى ئۈچۈنمۇ ماغدۇر كېرەك. شۇڭا، خەلقىڭگە كۈچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلغىن. ئۇلارنىڭ ھال - كۈنى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، ئەلدە باي كۆپمۇ ياكى نامراتمۇ؟ خەلق يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇن - پەرمانىڭدىن مەمنۇنمۇ ياكى نارازىمۇ؟ بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرغىن، — دەپ سۆزىنى خۇلاسىلىدى ئۆگدۈلمىش.
— ئۆگدۈلمىش ئوغلۇم، مەن ئۈچۈن كۆپ ئەجرىڭنى سىڭدۈردۈڭ. كۆرسەتكەن خىزمىتىڭ مېنىڭ ساڭا قىلغان ئېھسانىمدىن ئېشىپ كەتتى. مېنىڭ كۆڭلۈم سەندىن قانداق سۆيۈنگەن بولسا، ئاللامۇ ساڭا شۇنداق سۆيۈنچە بەرسۇن، — دەپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ئىلىگ.
شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش دۆلەت ئىشىنىڭ ئالدىراشلىقىدا ئۇچراشمىغىلى خېلى كۈنلەر بولغان ئىدى. بىرئاز ئارامىغا
چۈشكەن ئىلىگ ئۆگدۈلمىشتىن ئەلنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئۈچۈن ئوردىغا چاقىرىتتى.
— كۈنلىرىڭ قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، — دەپ سورىدى ئىلىگ قول باغلاپ تۇرغان ئۆگدۈلمىشتىن، — ئەلدە كەمبەغەللەر كۆپمۇ ياكى بايلارمۇ، مېنى تىللاۋاتامدۇ ياكى ماختاۋاتامدۇ؟ قانداق يارىماسلىقلار بار؟ بۇلار توغرىسىدا مېنى ۋاقىپلاندۇرغىن. ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر كۆرەي.
— ئالىيلىرى، ئەل — يۇرت تىلىگەن تىلەكلىرىگە ئېرىشتى، — دېدى ئۆگدۈلمىش ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، — جاھان تۈزەلدى، قايغۇ — ئەندىشىلەر ئازايدى، شاد — خۇراملىق كۆپەيدى، شەھەر — كەنتلەر ئاۋاتلاشتى. بارچىنىڭ ئاغزىدا سېنىڭ ياخشى نامىڭ يادلانماقتا.
— بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولغانلىقىڭدىن بولدى، ئوغلۇم، سەن كۆپ جاپا چەكتىڭ. مەن ھەر قانچە تىرىشچانلىق قىلساممۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئايىغىغا قانداق چىقالايتتىم. سەن سېنىڭ كۆزۈم، قۇلىقىم ۋە ئاۋازىم. بىراق، بىر ئىشقا بەك ئەپسۇسلىنىمەن. ساڭا يەنە بىر ياراملىق ھەمراھ بولسا بولاتتى، بولمىسا تولا مۇشەققەت تارتىپ كېتىدىغان بولدۇڭ. ساڭا ئوخشاش يەنە بىر ياردەمچىگە ئېرىشسەم، ئەل ئىشلىرى تېخىمۇ روناق تاپاتتى.
— ئىلىگ ئاتا، بېشىڭ ئامان بولسا، بۇ ئىشقىمۇ قولۇڭ يېتىپ قالار، — دېدى ئۆگدۈلمىش. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ بىر قېرىندىشىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قابىلىيەتلىك ھەم پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ تەركىدۇنيا بولۇپ تاغدا ماكان تۇتقانلىقىنى، ئىسمىنىڭ ئودغۇرمىش ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىلىگنىڭ كۆڭلىدە ئودغۇرمىشقا ئېرىشىش ئىشتىياقى ئۇلغىنىپ تاشتى: — مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم شۇنداق بىر ئادەمگە ئېرىشىش ئىدى،
قانداق ئامال قىلساڭ قىلىپ ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە تىرىشقىن، — دەپ ئەمر قىلدى ئىلىگ.
— ئالىيلىرى، بۇ ئادەم توغرىلىق ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم، لېكىن ئۇنىڭ كېلىش - كەلمەسلىكىگە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئالىيلىرى مەكتۇپ يېزىپ بەرسە، قالغان تىرىشچانلىقنى ئۆزۈم قىلاي. ئۇ بۇ ئىشنى مېنىڭ خاھىشىمىكىن دەپ مەندىن يامانلاپ قالمىسۇن، — دەپ ئۆتۈندى ئۆگدۈلمىش.
— بولىدۇ، مەن مەكتۇپ يېزىپ بېرەي، سەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باق، كەلسە كېلە، كەلمىسە بۇ ئىشتا سېنىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇمايمەن، — دېدى ئىلىگ ۋە قولىغا قەلەم ئېلىپ نامە يېزىشقا كىرىشتى. نامىنى يېزىپ بولۇپ مۆھۈرىنى بېسىپ ئۆگدۈلمىشكە بەردى.
ئۆگدۈلمىش نامىنى ئېلىپ ئودغۇرمىشنى دەۋەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئوردىدىن چىقتى.
14. ئۆگدۈلمىشنىڭ دەۋەت ئۈچۈن ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا بارغانلىقى
ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى ئودغۇرمىش تۇرغان تاغقا يېقىن بېرىپ ئاتتىن چۈشتى. ئۇ ئاتنى يېتىلەپ ئودغۇرمىش تۇرغان غارغا بېرىپ ئىشىكنى چەكتى. ئودغۇرمىش ئىشىكنى ئېچىپ ئۆگدۈلمىشنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدى. ئىككى قېرىنداش قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇلار قول تۇتۇشۇپ غارغا كىرىشتى. ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنى تاش سۇپىغا باشلىدى. ئىككى قېرىنداش قىزغىن ئەھۋال سوراشتى. ئاندىن ئودغۇرمىش گەپ ئېچىپ:
— مەن سېنى كۈتتۈغدى ئىلىگ بىلەن بىللە دەپ ئاڭلىۋېدىم، قانداق بولۇپ بۇ يەرگە قەدىمىڭ يېتىپ قالدى. نېمىشقا ئۇلارنى تاشلاپ، خەلقنىڭ زىمىندىكى قەرزىنى يۈدۈپ بۇ تەرەپكە كەلدىڭ، — دەپ سورىدى ئودغۇرمىش.
— ئەي قەدىرلىك قېرىندىشىم، سېنى سېغىنىپ كەلدىم، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — قانداق دەرد — ھەسرەتلىرىڭ بولسا يېشەي دەپ كەلدىم. ئۇزۇن زامانلار بولدى كۆرۈشەلمىدۇق، دىدارىڭغا قاناي دەپ كەلدىم. يەنە ساڭا دەيدىغان مۇھىم گەپلىرىم بار ئىدى، سىردىشاي دەپ كەلدىم.
— يەنە قانداق مۇھىم گەپلىرىڭ بار ئىدى؟ قالدۇرماي ھەممىنى ئېيتقىن، — دېدى ئودغۇرمىش.
— ئەي قېرىندىشىم، ئادەم بۇ دۇنيادىن يەككە — يېگانە ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئادەم قېرىيدۇ، كېسەللىك تارتىدۇ، بۇلارنى ئويلاپ ئارامخۇدا ئۇخلىيالمىدىم. تەڭرى بۇ ئازابلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭىلا يۈكلىگەنمۇ، دوزاخنى سەن ئۈچۈنلا
ياراتقانمىدى؟ سېنى كۆرۈپ مانا كۆزلىرىم روشەنلەشتى، ئادەم ئۆز تىلىكى ۋە خاھىشى يولىدا ھەر قانچە مۇشەققەت تارتسىمۇ، بۇنداق جاپا كۆزگە كۆرۈنمەيدىكەن. شۇڭا دانىشمەنلەر: ئادەم ھەر قانداق ئىشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قەدەم باسسا، بۇ ئارزۇ - ئۈمىد ھەر بىر قەدەمدە ئۇنىڭغا يار - يۆلەك بولىدۇ، يىراق مۇساپىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ۋىسالغا يېتىش ئۈچۈن جانىمۇ پىدا قىلىۋېتىدۇ، دېيىشكەن.
تەنبىھ: ئۈمىدنى ئۆزۈڭگە قانات قىل
ئوغلۇم، ئۆگدۈلمىش ئېيتقان ئۈمىد ۋە ئۈمىدۋارلىق ھەققىدىكى سۆزنىڭ مەنىسىگە چوڭقۇرراق يەتكىن.
ھايات - ئۈمىد بىلەن خەۋپ ئىچىدىكى ئېقىن. ئۈمىد ئادەمنى ياشاشقا ۋە كەلگۈسىگە ئىنتىلدۈرىدۇ، ئادەمگە جاسارەت ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. بوۋىلىرىمىزنىڭ «ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى ئارزۇ - ئۈمىد بۇلىقىدىن سۇغىرىلىدۇ» دېگەن ھېكمىتى ئەنە شۇنىڭغا ئاساسلانغان. چۈنكى، ئۈمىدۋارلىق ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىدىكى ئەڭ ياخشى يار - يۆلىكى ۋە ياردەمچىسى، ئۈمىدلىك ئادەمگە دۇنيادا قىيىن ئىش بولمايدۇ، ئۈمىدلىك ئادەم نىشانغا يەتمەي قويمايدۇ. ئەگەر ئادەم ئۈمىدسىزلىك بالاسىغا گىرىپتار بولسا، ئۇنىڭغا بۇ دۇنيا قاراڭغۇ بىلىنىدۇ. ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان ئادەمدە ئىزدىنىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئويلاش، تەپەككۈر قىلىش دېگەندەك روھىي پائالىيەتلەرنىڭ بولۇشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. تەپەككۈرى تورمۇزلانغان ئادەم ھەرگىز چىقىش يولى تاپالمايدۇ. ئەتراپىڭغا باقساڭ، ئوقۇشتىن زېرىكىۋاتقانلار ۋە ئۆگىنىشكە خۇشياقماي قانداقتۇر باشقا ئىشلارنى خىيال قىلىدىغانلارنىڭ، دائىم ھەسرەت چېكىپ يۈرۈيدىغانلارنىڭ ئاساسلىق روھىي بېسىمى ئۈمىدسىزلىك،
چۈشكۈنلۈك ۋە جۈرگەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. ئادەمدە ئۈمىد بولۇشنىڭ ئۆزىلا كۈپايە قىلمايدۇ، بەلكى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىرادە مۇقەددەسلىكى بولۇشى كېرەك. ئۈمىدسىز ئادەمدە ئىرادە بولمايدۇ، ئىرادىسىز ئادەممۇ ئۈمىدنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. شۇڭا، ئىرادە مەسلىسىدە مۇنداق بىر قانچە مەسلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغىن.
بىرىنچى، ئۈمىد يەككە - يېگانە ھالدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئۇنىڭغا ئىرادە، شىجائەت، ئىقتىدار، ئىشەنچ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ مېھنەت قوشۇلغاندىلا، ئۇ ئۈمىد قانات - قۇيرۇقى يېتىلگەن قۇشتەك كۆككە پەرۋاز قىلالايدۇ ۋە نىشانغا يېتەلەيدۇ. ھەرىكەتتىن ئايرىلغان غايە قۇرۇق خام - خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىككىنچى، ئۈمىد بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرق مەۋجۇت. شۇڭا، مۇمكىنچىلىكى يوق، رېئاللىقتىن ھالقىغان، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ئارزۇ - ئۈمىدنى قوغلىشىش ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئۇ كۆپ ھالدا سېنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۈمىد ئۇلۇغۋار مەقسەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندىلا يېڭىلمەس كۈچكە ئايلىنىدۇ. چۈنكى، ئۈمىد مەقسەتتىن تۇغۇلىدۇ.
ئوغلۇم، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنگىنكى، دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش، ئايىغىغا چىققىلى بولمايدىغان قىرغاق يوق. ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەلمۇ، يەشكىلى بولمايدىغان تۈگۈنمۇ يوق. گەپ شۇ ئىشقا بولغان سېنىڭ قىزىقىشىڭ، ئىقتىدارىڭ ۋە ئىرادەڭدە. ئۆزۈڭ قىزىقمايدىغان ئىشقا ھەرگىز قول تىقما، كۆڭلۈك تارتمىغان يولغا ھەم قەدەم باسما. چۈنكى، بۇنداق ئىشتىن نەتىجە چىقمايدۇ، كۆڭۈل تارتمىغان يول بەك ئۇزاق بولىدۇ. شۇڭا، تەبىئىتىڭ خالىغان، ئۆزۈڭ قىزىققان ئىشقا
بېلىڭنى باغلا، نەتىجە قازانمىغۇچە بەلنى ھەرگىزمۇ يەشمە. مەنسىمۇ، ھاياتىڭنىڭ قىممىتىمۇ ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغان شۇ ئىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق رېئاللىشىدۇ.
ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىش داۋاملىق سۆھبەتلەشمەكتە: — سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم، سەن ماڭا كۆيۈنۈپ شۇنداق دەۋاتىسەن، — دېدى ئودغۇرمىش، — بىراق، مېنىڭ تاللىغان ئېتىقاد يولۇم مۇشۇ. دۇنيا بىلەن بولغان ئادەم نەپسنىڭ كەينىگە كىرمەي قالمايدۇ، نەپسكە بېرىلگەن ئادەم قانداق ئىبادەت قىلسۇن؟!
— دېگەن سۆزلىرىڭ ئۆزۈڭگە توغرىدەك تۇرغان بىلەن قۇرۇق باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەرلىك نامىم مەڭگۈ ساقلانسۇن دېگەن ئەر ھايات چېغىدا ئەلگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشى كېرەك. يەنە بىرى، ئۆي — ئوچاقلىق، بالا — چاقىلىق بولۇش لازىم. ئىشلىرىڭنى داۋاملاشتۇرغىدەك پەرزەنتىڭ بولمىسا تولىمۇ سەت ئىش، بۇ دۇنيادا نام — نىشانىڭ پۈتۈنلەي ئۆچىدۇ. ئۆزىدىن ئەۋلاد قالدۇرالمىغان ئادەم ئۆلۈك ھېسابلىنىدۇ، — دېدى ئۆگدۈلمىش قەتئىي تەلەپپۇزدا.
بىراق، ئودغۇرمىش پەرزەنتلىك بولسا، ئۇنىڭ جاپاسىنى تارتىشنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتلەر ۋاپاسىز، كېرەكسىز بولۇپ قالسا، بۇنىڭ ئەل ئارىسىدا تېخىمۇ كۈلكىگە قالىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇۋالدى.
ئەي پەرزەنت، ئارزۇ — ئۈمىد يوللۇق، ئىمكانىيەتكە قاراپ
بولۇشى لازىم. دۇنيادا ئارزۇ - ئۈمىد دېگەن چەكسىزلىككە ئىگە. ئۇ ھەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بىرگە مۇيەسسەر بولسا، يەنە بىر ئارزۇ تۇغۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئارزۇ قانائەت تاپماي بۇ دۇنيادىن كېتىشتىن. شۇڭا، ئارزۇ قوغلاشتىم، ئۈمىدۋار بولدۇم دەپ مۇمكىن بولمايدىغان ئارزۇغا باغلىنىپ قېلىش ياكى ئايىغى چىقمايدىغان يولغا كىرىپ قېلىش سېنى بەختسىز قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئادەم ھاياتىدا ھېچبولمىغاندا بىرەر ئارزۇ - ئارمىنى ئەمەلگە ئاشسىمۇ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمىدۇ. شۇڭا، چامىڭ يېتىدىغان، ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان ئىشنى تاللىشىڭ كېرەك، بۇمۇ ئاقىلانىلىك بولىدۇ. چامى يەتمەيدىغان ئىشقا قەدەم قويۇش، بويى يەتمەيدىغان يەرگە قول سوزۇش بىغەرەزلىك بولىدۇ.
15. دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك ھەققىدە
— سەن ئاداش - قولداش تۇتۇشۇمنى ئېيتتىڭ، بۇغۇ ياخشى، — دېدى ئودغۇرمىش، — لېكىن، بۇ يۈكنى يۈدۈمەكمۇ مۇشكۈل. ئادەمنىڭ كۆڭلى خۇددى شېشىگە ئوخشايدۇ، ئۇ بەك نازۇك، ئاسرىماق تەس. ئەگەر دوستۇڭنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىنى سۇندۇرۇپ قويساڭ، دەرھال دۈشمەنگە ئايلىنىشىڭ مۇمكىن. دۈشمەنلىك ئادەمنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىكى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، دۈشمەنلىك ئادەمنىڭ كۆڭلى ئارامىدا بولمايدۇ. دۈشمىنىڭ ھەر قەدەمدە سېنى مىڭلاپ زىيانغا پاتۇرۇش كويىدا بولىدۇ. شۇڭا، دۈشمىنىڭ ھەر قانچە ئاز بولسىمۇ كۆپ دەپ قارا، ھەر قانچە كىچىك دۈشمەن بولسىمۇ چوڭ ھېسابلا. كۆرمىدىڭمۇ، چىۋىنمۇ پىلنىڭ چوڭ دۈشمىنى بولالايدۇ. دۈشمەنلىك بولۇپ يېشىى قۇرىغان كىشىلەر: دۈشمىنىڭنى كىچىك چاغلاپ بىخۇت بولما، دۈشمەندىن قورقمايمەن دەپ چوڭ گەپ قىلما، دۈشمەنگە دۈشمەن بول، دوستقا دوست بول، دېگەن.
— دوست تۇتۇپ ئارىلاشقاننىڭ زىيىنى يوق. ئۇ سېنىڭ ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن قانات بولىدۇ. يالغۇزلۇق — ياۋايىلىق، — دېدى ئۆگدۈلمىش مۇداپىئە قالقىنىنى چىقىرىپ، — قولداشلىرى كۆپ ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئىلگىرى باسىدۇ. ھەقىقىي دوست دېگەن بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ئۆزىنى پىدا قىلالايدۇ، شادلىقىڭغا جور بولۇپ كۆزۈڭنى نۇرلاندۇرىدۇ. دوستۇڭ پەزىلىتىڭنى ماختاپ ئەلگە يايسا، باشقىلار ئەيىبىڭنى ئېچىشتىن تىلىنى تارتىدۇ. دۈشمەنلىك بولۇشمۇ بەزى ھاللاردا ئەيىب سانالمايدۇ. چۈنكى، دۈشمەن سېنى غەپلەتتىن ئويغاتقۇچى، پەزىلەت ۋە قۇسۇرۇڭنى تونۇتقۇچى ئەينەك بولىدۇ. ئەرنىڭ دۈشمىنى
بولمسا، ئۇنىڭ مەردلىكى ۋە جاسارىتى نەدىن مەلۇم بولسۇن؟! بىلگىنكى، كىمنىڭ مەردلىكى ۋە پەزىلىتى يۈكسەك بولسا، شۇنداق كىشىنىڭ دۈشمىنىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئېسىل نەسەبلىك پاك كىشىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. يامان، ئەسلى يارىماس ئادەملەرنىڭلا دۈشمىنى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق ئادەم ئۆلۈك بىلەن باراۋەر، ئۆلۈك بىلەن كىممۇ دۈشمەنلەشسۇن؟ كىمنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولسا ئۇنى پەزىلەتتە ئۈستۈن، ئىقتىدارلىق ئادەم ئىكەن دەپ بىل. دۈشمەنلىك كۆرەلمەسلىكتىن ۋە باشقىلارغا يېتىشەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ھەرگىز دۈشمىنىڭگە ئاجىزلىقىڭنى چاندۇرۇپ قويما. دۈشمىنىڭنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى مەغرۇر تۇتقىن. مەردنى مەيداندا سىنا دېگەندەك، دۈشمەنلىك رىقابىتى بولمىغۇچە باتۇرلۇق ۋە مەردلىك قانداق سىنىلىدۇ؟ مىڭلاپ دۈشمىنى كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتىنى قىلمىغان ئادەمنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن؟ ئارقىسىدىن مىڭلاپ ئىتنىڭ قاۋىغان ئۇنى ئاڭلىنىپ تۇرمىسا ئۇنى بۆرە دېگىلى بولامدۇ؟!
تەنبىھ: دوستنى قەدىرلە، دۈشمەندىن ھەزەر ئەيلە
ئوغلۇم، ئۆگدۈلمىش دېگەندەك كىشىلىك تۇرمۇشتا دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئىنسانغا يالغۇزلۇق تولىمۇ ئېغىر ئىش، تۇرمۇشتا ھەر قانداق خۇشاللىق ۋە بەخت گۈلى دوستلىرىڭ بىلەن بولغان ھەمسۆھبەتلىك ۋە ھەمدەملىك تۇپرىقىدا ئېچىلىدۇ. ھەر قانداق ئېغىر يۈكنى دوستۇڭ بىلەن كۆتۈرسەڭ ھارغىنلىق ھېس قىلمايسەن. شۇڭا، ئۆزۈڭگە دىلكەش بولالايدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەردىن دوست تۇتقىن. ئەگەر تۇتقان دوستۇڭ ياخشى بولمىسا، ئۇ ھەتتا دۈشمەندىن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا كونىلار ئەقىلسىز، نادان
دوستىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى، دەپ بىكار ئېيتىمىغان. شۇڭا، ئۆزۈڭگە مۇناسىپ كېلىدىغان كىشىلەرنى دوستلۇققا تاللا. ئۆزۈڭدىن يۇقىرى تۇرىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇتساڭ، مۇبادا ئۇ ئۆزىنىڭ بايلىق ۋە باشقا جەھەتلەردە سەندىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ، سېنى رەنجىتىپ قويسا دىلىڭ ئاغرىيدۇ. يەنە بىرى، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولسام بولاتتى دەپ ئۆزۈڭ مۇشەققەت تارتىپ قالمىسەن. ئۇ ساڭا ئاسماندىن قارىسا، سەن ئۇنىڭغا تۆۋەندىن قارىساڭ، بۇنى قانداقمۇ ھەقىقىي دوستلۇق دېگىلى بولىدۇ؟! دوستلۇق دېگەن باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتتە مۇستەھكەم بولىدۇ. دوستلۇق مۇنداق ئىككى خىل مۇددىئا ئاستىغا قۇرۇلۇشى مۇمكىن. بىرى، غەرەزسىز ھەقىقىي دوستلۇق. بۇنداق دوستلۇقتا قۇسۇر بولمايدۇ. ئۇنداق دوست سەندىن پايدا كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن دوستلۇق رىشتىسىنى ئۈزمەيدۇ. يەنە بىر خىلى، مەنپەئەت ۋە تەمە دوستلۇقى. بۇنداق مەقسەتتە دوستلۇق ئىزھار قىلغانلارنىڭ قەلبىدە باراۋەرلىك، سەمىمىيلىك، راستچىلىق ۋە ئەخلاق بولمايدۇ. ئۇ سەندىن مەنپەئەت سايىسىگە ئېرىشەلمىسە دوستلۇق رىشتىسىنى ئۈزىدۇ. ئۇنداق ئادەم سەندىن مەنپەئەتلەنسە سايەڭدەك يېنىڭدىن ئايرىلمايدۇ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن. شۇڭا، ئۇلار بىلەن ھەرگىز دوست بولغۇلۇق ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق ئادەملەرنى سىناپ باقماقچى بولساڭ، ئەڭ ياخشىسى پايدا - زىياندا سىنا، شۇ چاغدا ئەركەك - چىشىسى ئايرىلىپ چىقىدۇ. سىناقتا ئىشەنچلىك چىقسا قەدىرلە. يەنە بىر سىناق تېشى، سەن ئۇنى قاش - قاپىقىڭنى تۈرۈپ تېرىكتۈرۈپ باققىن. ئەگەر ئۇ ساڭا سادىق دوست بولىدىغان بولسا سەۋرچانلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭلۈڭنى ياسايدۇ، ھەرگىز ساداقەتمەنلىك چاپىنىنى سېلىپلا پەش قاقمايدۇ.
ئوغلۇم، بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ ياخشى بىر دوستقا
ئېرىشسەڭ، بۇنداق دوستلۇقنى مەڭگۈ قولۇڭدىن بېرىپ قويماسلىققا تىرىشقىن. كونىلارنىڭ «مېلىڭ مىڭغا يەتكەچە دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن» دېگەن سۆزى بىكار ئېيتىلمىغان. دوستنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك بولىدۇ، ئىسسىقتا ئېرىپ، سوغۇقتا توڭلايدۇ. بىر ئۆمۈر ئەقىدە قىلىپ تىكلەنگەن سەمىمىي دوستلۇقنى ئازغىنە مەنپەئەت بەدىلىگە قۇربانلىق قىلىۋەتسەڭ تولدۇرۇۋالغۇسىز پۇشايمانغا قالىسەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى زات بىر - بىرىگە گەپ بېرىشمەي ئۆزلىرىنىڭ ھايات توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا ئىدى. بىرى نەيزە چىقارسا، يەنە بىرى قالقان بىلەن توساتتى.
ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى ئودغۇرمىشقا ھەرگىزمۇ يول قويىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ كېلىشى پەقەت ئۆزىنى يوقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەنلىكىنى پەملىدى.
— نېمە دېسەم سۆزلىرىمگە رەددىيە بېرىپ، مېنى رەنجىتىۋاتىسەن، ئوچۇق ئىزھار قىلغىن، زادى نېمە مەقسەت بىلەن يېنىمغا كەلدىڭ؟ — دېدى ئودغۇرمىش.
— راست قېرىندىشىم، ئوچۇقنى ئېيتسام، باشقا بىر مۇھىم ئىش بىلەن كەلدىم، — دېدى ئۆگدۈلمىش ھەقىقىي مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ، — كۈتتۈغدى سېنىڭ تەرىپىڭنى ئاڭلاپتۇ. شۇڭا ئالاھىدە مېنى سېنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىشقا ئەۋەتتى. مېنى قۇرۇق قول يولغا سېلىپ قويماس دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ئۆگدۈلمىش سۆزلىگەچ «دەۋەتنامە» نى ئودغۇرمىشقا سۈندى. نامە تەڭرىنىڭ نامى بىلەن باشلىنىپ، مەقسەت مۇنداق بايان
قىلىنغان ئىدى:
«ئەمدى مەندىن ساڭا سالام، كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بۇ نامىنى يازدىم. ئالدى بىلەن ئېسەنلىكىڭنى سورايمەن. زاماننىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى يۈدۈپ، ساق - سالامەت ۋە ئامان - ئېسەن تۈرۈۋاتامسەن. سېنىڭ تەرىپىڭنى ئاڭلاپ ساڭا ئېرىشىش ئىشتىياقى قەلبىمنى ئىگىلىدى. شۇڭا، قېرىندىشىڭ ئۆگدۈلمىشنى يېنىڭغا ئەۋەتتىم. سۆزۈمنى يەتكۈزسە ئۇقۇپ بىلگەيسەن.
سەن قوۋم - قېرىنداشلىرىڭنى تاشلاپ، ئەل يۈرتتىن يۈزۈڭنى ئۆرۈپ، تاغقا چىقىۋېلىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاپسەن. يۈرت - ئەل، قوۋم - قېرىنداشلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغان؟ ئەگەر زورلۇق - زومبۇلۇقتىن ئەلەم تارتقان بولساڭ ماڭا ئېيتقىن، بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلار بىلەن يارىشىپ ئۆتكىن. قوڭۇر يەر بىلەن يېشىل سۇ كېلىشكەنلىكى ئۈچۈن زېمىندا مىڭلىغان گۈل - چېچەكلەر كۈلۈپ ئېچىلدى.
ئودغۇرمىش، مەقسىتىڭ ئىبادەت بولىدىغان بولسا شەھەردىمۇ ئىبادەت كۆپقۇ؟ يەككە - يېگانە قىلغان ئىبادەتتىن جامائەت بىلەن قىلغان ئىبادەت ئەۋزەل. ئىبادەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈش مۇنداق ئىككى ئامىلغا باغلىق. بىرىنچىسى، كۆپلەپ بىلىم ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، بىلىمسىزلىك، نادانلىقتا قىلغان ئىبادەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئىككى تۈرلۈك ئادەم ھەقىقىي ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بىرى، ئۆگەنگۈچى، يەنە بىرى، ئۆگەتكۈچى. بۇنىڭدىن باشقىسى ئادەم قاتارىغا كىرمەيدۇ. شۇنچە ئىلىمىڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئەل ئارىسىغا كېلىپ جايىدا ئىشلەتسەڭ، ئاندىن ئۇلۇغ ساۋابقا ئېرىشىسەن ھەم ئىبادەتنىڭ كامالەت تاپقان بولىدۇ. ئۇستازلارنىڭ مۇنۇ سۆزىنى يادىڭدىن چىقارما: بىلىپ قىلغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى ئۆرە، بىلىمسىزلىكتە قىلغان ئىبادەتتىن ساۋاب كۈتمە. نادانلىقتا قىلغان ئىبادەتتىن كۆرە
بىلىملىك ئادەمنىڭ ئۇخلىغىنى ئەۋزەل. ئىككىنچىسى، ئەڭ چوڭ تائەتنىڭ ساۋابىغا باشقىلار ئۈچۈن مۇشەققەت چېكىش، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. سەن «زاھىت» لىق نامىنى يۈدۈپ تاغقا چىقىۋاپسەن. ئۇ يەردە قىلغان ئىبادىتىڭ ناماز ئوقۇماق بىلەن روزا تۇتماقتۇر تايىنلىق. ئەگەر شۇنىڭغىلا تەمەننا قىلىپ ئۆتسەڭ، بۇنداق ئىبادەت پۈتۈنلەي بوشقا كېتىدۇ. بۇ يەرگە كەل، بۇ يەردە تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار، ئەما، پالەچ، مەجرۇھلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، دىلىنى سۆيۈندۈرگىن. ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە ھالالدىن پۇل تېپىپ يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرگىن، ئەلنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ قولىنى تۇتقىن. مانا بۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان تائەت بارمۇ؟ سەن شۇنچە مۇھىم ئىشلارنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزۈڭ يالغۇز روزا – نامازغا تۇرۇپسەن. بۇ تائەتنىڭ پەقەت ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈچۈندۈر. ئۆزى ئۈچۈن ياشىغان ئادەم ئۆلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈكنىڭ قىلغان ئىبادىتى نېمىگە تەڭ؟ ھەقىقىي ئېسىل ئادەم باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇشەققەت چېكىشى كېرەك. ئەلگە پايدىسىز ئادەمنىڭ ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ئەۋزەل.
كۈتتۈغدى ئىلىگ يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتكەن ئىدى:
«ئەي ئودغۇرمىش، سېنى دەۋەت قىلسام، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قالمىغىن، ياق، ئەلنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەن. قالغان گەپ – سۆزلەرنى ئۆگدۈلمىشتىن ئاڭلىغىن.»
ئودغۇرمىش كۈتتۈغدى ئىلىگنىڭ نامىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆگدۈلمىشكە: — ئىلىگ نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، مېنى يېنىغا
قايتىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىپتۇ. بىر تەرەپتىن قارىسام ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم تۇيۇلىۋاتىدۇ. ماڭا مەسلىھەت بەرگىنە، قانداق قىلسام بۇلار، — دېدى بىر قارارغا كېلەلمەي. — ئىلىگ ھەر قاچان نامىڭنى تىلدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئۇ سەن بىلەن تېزراق دىدارلىشىشقا تەشنا. ئادەم كىمنى سۆيسە ئۇنىڭ نامى تىلدىن چۈشمەيدىكەن، ئۇنىڭ سىماسى كۆزدىن كەتمەيدىكەن، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
— ئۇنداق بولسا ماڭا بىر توغرا مەسلىھەت بەرگىن، — دەپ ئۆتۈندى ئودغۇرمىش.
— بۇنداق مەسلىھەتنى مەندىن سورىغىنىڭ نېمىسى، — دەپ ئېتىراز بىلدۈردى ئۆگدۈلمىش، — مەن ساڭا بارايلى دېگەن مەسلىھەتنىلا بېرەلەيمەن. چۈنكى، سېنىڭ مەن بىلەن بېرىشىڭ ماڭىمۇ پايدا تۇرسا. بىر ئالىم: ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە چوغ تارتىدىغان ئادەمنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى ساڭا نەپ بەرمەيدۇ، دېگەن. شۇڭا، مەسلىھەت دېگەننى ئوتتۇرىدا تۇرۇپ لىللا جاۋاب بېرىدىغان، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىمايدىغان كىشىلەرگە سالغۇلۇق. چۈنكى، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئادەمگە مەسلىھەت سالساڭ ياراملىق ئىشنى يارامسىز، يارامسىزنى ياراملىق دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق ئىشتا كېڭەش سالغان ياخشى، لېكىن يەنىلا ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىنى ئاساس قىلىش كېرەك. چۈنكى، دۇنيادا ھېچقانداق ئادەم ئۆزىگە ئۆزىدەك كۆيۈملۈك بولمايدۇ. توغرا گەپنى دېسەم، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ مەن بىلەن قايتىپ كەتكىن. ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ، تىلىڭ بىلەن دىلىڭ دۇرۇس بولسىلا، قەيەردە بولساڭ بەختلىك ياشىيالايسەن. ئادەملەرنىڭ ياخشىلىرى قەيەردە بولسۇن ئۆزىنى ئۇنتۇمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەي ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى كۆرىدۇ، ياخشى يول ئىزدەيدۇ، ياخشىلىق تىلەيدۇ، ياخشىلىقنىڭ بەدىلىگە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ.
16. ئودغۇرمىشنىڭ بۇ دۇنيادىن قۇسۇر ئىزدىگەنلىكى
ئودغۇرمىش ئۆز - ئۆزى بىلەن كېڭەشتى ۋە بىر قارارغا كەلگەندەك ئۆگدۈلمىشكە بۇ دۇنيانىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى ئاقلىدى ئۇ:
— بۇ دۇنيا سېنى ئۆزىگە بەك رام قىلىۋاپتۇ. شۇڭا بۇ دۇنيانىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرى ساڭا پەزىلەت بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ، — دەپ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى بىر قانچە تەرەپتىن شەرھلىدى:
— ئۆگدۈلمىش ئاڭلا، مېنىڭ دۇنيانىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرى ھەققىدىكى پىكرىم مانا مۇنداق:
بىرىنچى، ئادەم بۇ دۇنياغا گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن يارالغان. شۇڭا بۇ دۇنيادا ھېچ نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.
ئىككىنچى، ئادەم بەربىر ئۆلىدۇ، شۇڭا بۇ دۇنياغا بېرىلىشكە ئەرزىمەيدۇ. ئۈچىنچى، بۇ دۇنيا دېگەن ۋاپاسىز، سېنىڭ رايىمىڭغا باقمايدۇ.
تۆتىنچى، بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى ئۇنىڭ جاپاسىغا ئەرزىمەيدۇ. ئودغۇرمىش يۇقىرىقى نۇقتىلاردا پىكرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى.
17. بۇ دۇنيا گۈزەل، بۇ دۇنيا پۇرسەت
— ئەي قېرىندىشىم، سۆزلىرىڭنى تولۇق ئاڭلىدىم، ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمنىمۇ ئاڭلاپ باققىن ، — دەپ سۆز باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — بۇ دۇنيانىڭ سەن ئېيتقان بىر قىسىم تەرەپلىرىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتلىق پۇرسىتى ۋە يولىنى كىشى ئۆز - ئۆزىگە تار ۋىلغۇلۇق ئەمەس. ئويلاپ باققىن، جاھان خەلقىنىڭ ھەممىسى شەھەر - كەنتلەرنى تاشلاپ، سەن يۈدۈگەن بۇ ئېغىر يۈكنى يۈدۈپ تاغقا چىقىۋالسا، جاھان قانۇنىيىتى بۇزۇلۇپ، ھەممە نەرسە قۇرۇيدۇ، ئىنسان بالىسىنىڭ ئۇرۇقىمۇ ئۈزۈلىدۇ. ئادەم بالىسى ئادىمىيلىك نامى بىلەن قورسىقى ئاچىدىغان ۋە تويىدىغان قىلىپ يارىتىلدى. تىرىكلىك ئۈچۈن ئۇچىغا كىيىم، قورساققا يېمەكلىك لازىم، بۇنىڭدىن كېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ دۇنيا — ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق ماكانى. ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن، مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار. بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ھەرگىزمۇ گۇناھ ئەمەس. ئەكسىچە، ئىنسانغا ئىرادە قىلىنغان بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇر ئالالماسلىق، بۇ دۇنيانىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇيەسسەر بولالماسلىق گۇناھ.
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشقا تەسىر كۆرسەتمەك بولۇپ، خېلى چوڭقۇر پىكىرلەرنى قىلدى. شۇڭا ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىسىدا: — ئويلاپ باققىن، ئەگەر تەۋسىيەلىرىمنى قوبۇل قىلمايدىغان بولساڭ، بولدى، مەن كېتەي، — دەپ سۆزىنى كەستى. ئودغۇرمىش بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىلىقىغا ئېلىپ ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن:
— ئەي قېرىندىشىم، مېنىڭ غېمىنى يەپ كۆپ جاپا چەكتىڭ. گەپلىرىڭ توغرا بولسىمۇ، بىراق سەن ئېيتقان بۇ ئىشلار ئۈچۈن مەندە ھېچقانداق سالاھىيەت يوق. بۇ ئىشلارنى كۆڭلۈم تارتماۋاتىدۇ، كۆڭۈل تارتمىغان ئىشتىن خەتەر چىقماي قالمايدۇ. شۇڭا، ئىلىگە ئېيتقىن، مېنى ئۆزۈمنىڭ مەشغۇللۇقۇمنى قىلغىلى قويسۇن، — دېدى. ئىلاجسىز قالغان ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشقا مۇنداق دېدى:
— قەدىرلىك قېرىندىشىم، ئەگەر مەقسىتىڭ شۇنداق بولىدىغان بولسا، سېنى زورلىمايمەن. كۆڭۈلنى مۇنچە يارا قىلما، ئېسەن بولغىن. ئاخىرقى تەلىپىم، ئالىيلىرى ئۆز قولى بىلەن ساڭا مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتكەن ئىدى، سەنمۇ بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بەرگىن، كۈتتۈغدى ئىلىگىنىڭ كۆڭلى قالمىسۇن. ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ تەلىپىنى ماقۇل كۆرۈپ ئىلىگە مەكتۇپ يېزىپ بەردى.
ئودغۇرمىش ئۆز نامىسىدا سالام — سائەتتىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا يارىمايدىغانلىقى، فائىدە — يوسۇندىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزرىسىنى بايان قىلدى. يەنە مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدا ئىلىگە: بىرىنچى، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان تىرىكلىك؛ ئىككىنچى، نەۋقىرانلىقنى ساقلاپ مەڭگۈ قېرىماسلىق؛ ئۈچىنچى، دائىم باي — پاراۋان تۇرۇش؛ تۆتىنچى، ئاغرىق — سىلاقسىز سالامەت ياشاشقا ئامال قىلالايدىغان — قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە شەرت قويدى. ئەگەر بۇ شەرتلەرنى ئورۇندىيالمىساڭ، مېنى دەۋەت قىلىش نىيىتىڭدىن يان، دېگەن ئىدى.
ئودغۇرمىش بۇ ئۆزۈن نامىنى يېزىپ بولۇپ، تۈرۈپ باغلىغاندىن كېيىن ئودغۇرمىشقا سۈنۈپ، قالغان گەپ — سۆزلەرنى ئېغىزچە يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ مەكتۇپىنى قولىغا ئېلىۋېتىپ:
— پەرىزىمچە، ئالىيلىرى سېنى كۆزىدىن يىراقتا تاشلاپ قويمايدۇ، مېنى يەنە ئەۋەتىشى مۇمكىن، — دېدى.
— قېرىندىشىم، مۇنداق دەپ يۈرىكىمنى يارا قىلما، ئۆزۈڭنى قىيناپ بۇ يەرگە يەنە كېلىپ يۈرمە. بىلگىنكى، ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسە ئۈچۈن جاپا چېكىش، ئۆتمەيدىغان سۆزنى قىلىش بىھۇدىلىكتۇر. كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئالىم: ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسە ئۈچۈن بىكاردىن زورۇقما، تەلەپ قىلىپ ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسە ئۈچۈن كۈچىمە، يېتىش مۇمكىن بولمايدىغان يەرگە پىيادە ئاتلانما، بولمىسا كۆپ رىيازەت چېكىسەن، دېگەن. شۇنداق قىلىپ ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىش بىلەن خوشلىشىپ ئوردىغا قايتىپ كەلدى.
ئۆگدۈلمىش ئەتىسى ئىلىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئوردىغا باردى. ئىلىگ ئالدىراپ ئودغۇرمىش توغرىسىدا سورىدى:
— قېنى ئېيتقىن، ئىشلار قانداق بولدى، قاياشىڭ نېمىلەرنى دېدى، ئۇ كېلىدىغان بولدىمۇ — قانداق؟
ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋۋال ئودغۇرمىشنىڭ مەكتۇپىنى سۇندى، ئىلىگ مەكتۇپىنى ئېچىپ ئوقۇدى. ئۇ ئوقۇۋېتىپ بىر دەم قىزىراتتى، بىر دەم تاتىراتتى. ئارقىدىن يەنە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتى.
— قاياشىڭ بەكمۇ يىرىك گەپلەرنى قىلىپتۇ، — دېدى ئىلىگ، — مەن ئۇنىڭغا يىپەك تاۋار ئەۋەتسەم، ئۇنىڭغا تىكەندىن نەقىش چېكىپتۇ. ئويلاپ باقسام، ئۇنىڭ بەزى گەپلىرىمۇ ئورۇنلۇق. ساڭا ئېغىزى بىلەن نېمىلەرنى دېدى؟
ئۆگدۈلمىش ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولغان گەپ —
سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردى. ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كۈنتۈغدى ئىلىگىنىڭ ئىشتىياق ئوتى تېخىمۇ ئۇلغايدى.
— ھەي ئۆگدۈلمىش، ئەگەر مەن ئۇنىڭ كامالىتى ۋە پاراسىتىدىن خەۋەردار بولمىغان بولسا، بىر گەپ ئىدى، ئۆزۈمنىڭ ئېلىدە بۇنچىلىك ئارزۇيۇمغا يېتەلمىسەم مەن قانداقمۇ بەگلىك قىلالايمەن؟! ئەگەر ئۇ كەلمىسە ئۆزۈمنىڭ بارغىنى تۈزۈك ئوخشايدۇ، — دېدى ئۇ.
— ئالىيلىرى، سېنى بۇ ئارزۇغا گىرىپتار قىلغانمۇ مەن. ئىشنىڭ ئالدى — كەينىنى ئويلىماي، بۇ گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن، ئالىيلىرى چاقىرتسا كېلەر دەپ ئويلاپ، ئالدىراپ ئالىيلىرىغا بۇ ھەقتە گەپ ئېچىپ قويۇپتىمەن. بۇ نۆۋەت يەنە بىر باراي، يەنە بىر پارچە مەكتۇپ پۈتۈپ بەرسەڭ، — دېدى ئۆگدۈلمىش بىر ئىلاج قىلىپ ئىلىگىنى بۇ مەقسىتىگە يەتكۈزمەك بولۇپ.
ئىلىگ ئىككىنچى قېتىم يەنە دەۋەت مەكتۇپى يېزىپ، ئۆگدۈلمىشنى ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى.
18. ئودغۇرمىشىڭ ئىككىنچى قېتىم دەۋەت قىلىنغانلىقى
ئۆگدۈلمىش كۈنتۈغدى ئىلىگىنىڭ ئەمرى بىلەن ئودغۇرمىشنى ئوردىغا كېلىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىم سەھەردىلا ئېتىنى مىنىپ ئودغۇرمىش تۈرۈقلۇق تاغ غارىغا باردى. ئودغۇرمىش ئىبادەت ئۈستىدە ئىدى. ئۇ ئىشىكنىڭ چېكىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچتى. ئۆگدۈلمىشنى كۆرۈپ سالام قىلدى، قولىدىن تۇتۇپ ئۆڭكۈرگە باشلىدى. ئۇلار ھايۋان تېرىسىدىن سېلىنچا سېلىنغان تاش ئورۇندۇقتا يانمۇيان ئولتۇرۇشتى.
— قارىغاندا، بۇ قېتىممۇ بىكاردىن كەلمىدىڭغۇ دەيمەن، — دېدى ئودغۇرمىش سالام — سائەتتىن كېيىن، — ئۆتكەندە گەپنى ئوچۇق ئېيتقان ئىدىم، بىكاردىن ئاۋارە بولۇپسەن. — دىلىمنى يارا قىلىپ بۇنچە كايىما، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — بۇ يەنىلا ئىلىگىنىڭ خاھىشى، سەن بىلىسەن، بەگ خىزمەتچىنى ئوق قىلىپ نەگە ئاتسا ئاتىدىغۇ، بۇ نۆۋەت يەنە مەكتۇپ بىلەن ئەۋەتتى.
ئۆگدۈلمىش مەكتۇپنى چىقىرىپ ئودغۇرمىشقا سۇندى، ئودغۇرمىش مۆھۈرلۈك پېچەتنى ئېچىپ مەكتۇپنى ئوقۇدى. مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«ئۆتكەندە قېرىندىشىڭ ئۆگدۈلمىشنى سېنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قېشىڭغا ئەۋەتكەن ئىدىم. ماڭا قايتۇرغان جاۋاب مەكتۇپىڭنى ئوقۇپ مەزمۇنىدىن ۋاقىت بولدۇم. مەن ساڭا شېكەردىن تاتلىقراق سۆزلىرىمنى ئەۋەتكەن ئىدىم، ماڭا قايتقىنى ئوغدىن ئاچچىق سۆزلەر بولدى.»
ئىلىگ مەكتۇپتا «زاھىت» لىق نامى بىلەن تاغدا ئىبادەت قىلىشنىڭ شەھەردە خۇپىيانە قىلغان ئىبادەتكە يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن يەنە مۇنۇلارنى يازغاندى:
«ئەل - جامائەتكە قېتىل، سىرلىرىڭنى ئۇلار بىلمەي قالمىسۇن. ھالالدىن مال تېپىپ ئۆزۈڭنى ۋە ئاچ - يالىڭاچلارنى تويدۇرغىن. مال - دۇنيا ياخشى ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشسە ھەر ئىككى ئالەمدە يەپ - ئىچىشكە يارايدۇ. ئەگەر مال - دۇنياغا ئېرىشىپ ئۇنى جايىدا سەرپ قىلىشنى بىلمىسە، مانا شۇنى ئەڭ ئېغىر يۈك يۈدۈپتۇ، دېسە بولىدۇ. ئەگەر مەرد بولىدىغان بولساڭ ئەل ئۈچۈن پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزگىن. ئەل ئۈچۈن پايدىسىز ئادەم تىرىكلەر ئارىسىدىكى ئۆلۈكتۇر. ئۆلۈكنىڭ ئىبادىتى نېمىگە يارار؟ ھەقىقىي ئادەممەن دېگەن ئەر ئەلنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە يارىسۇن. مال - دۇنياسىنى ئۆلەشتۈرۈپ بەرسىلا سېخىيلىق بولمايدۇ. ھەقىقىي سېخىي ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئەل ئۈچۈن پىدا قىلالايدۇ. ئۆزىگىلا كۆيۈنگەن كۆيۈمچانلىق ئەمەس، ئەلگە كۆيۈنۈشنى ھەقىقىي كۆيۈمچانلىق دەيمىز.
ئەقلىڭنى يورۇتۇپ سۆزلىرىمگە ئېتىبار بىلەن قاراپ باققىن. سۆزلىرىم چىن، دۇرۇس بولسا ھەۋەسنى قويۇپ يېنىمغا قايتىپ كەل.
سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. گەپنى ئۇزۇن قىلىش ئەقىل ۋە بىلىمگە مۇخالىپ. قالغان گەپ - سۆزلىرىمنى ئۆگدۈلمىشتىن ئاڭلىغايسەن.»
ئودغۇرمىش مەكتۇپنى ئوقۇپ بولۇپ خىيالغا پاتتى. بىر ئازدىن كېيىن:
— ھەي قېرىندىشىم، سىلەرنىڭ نېمە دەردىڭلار بار؟ بېگىڭ مېنى شۇنچە زورلاپ دەۋەت قىلىپتۇ، — دېدى. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنى قايىل قىلىش ئۈچۈن پىكىر دۇلدۇلىنى مۇنداق چاپتۇردى.
19. ئودغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ مۇنازىرە لەشكەرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇتۇشقانلىقى
— ئەي قاياش، ئىلىگىنىڭ ئۈمىدى سەن ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئۇ سېنىڭ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشىڭ ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بەرمەكچى. دۇنيا نېمەتلىرىنى يامان كۆرمە، يەپ - ئىچىپ يەنە خەلقىڭكە بەرسەڭ يۈزۈڭمۇ يورۇق بولىدۇ. مال - مۈلۈك ھەممە ياخشىلىقنىڭ يول باشچىسى، ئۇ ھەم ھەر خىل كېسەلنىڭ ئەمچىسى. بايلىق دېگەن ھەم ئەقىللىق، ھەم بىلىملىك بولۇشقا ۋاسىتە بولىدۇ. بايلىق خاسىيىتىدىن ھەر خىل ساخاۋەتلىك ئىشلارغا قول ئۇزاتقىلى بولىدۇ. ئاسمانغا يول ئالماقچى بولساڭمۇ يەنە شۇ بايلىققا تايىنىدىغان گەپ. ئەگەر قولۇڭ قۇرۇق بولسا، ھەر قانداق ساۋابلىق ئىشلارغا قولۇڭ قىسقىلىق قىلىدۇ. دېگەنلىرىمنى توغرا كۆرسەڭ ماڭا ماقۇللىق بەرگىن.
— مېنى تولىمۇ غەمگە سالدىڭغۇ، — دېدى ئودغۇرمىش ئىلاجسىز قالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالماي، — ئېشىمنى زەھەر قىلدىڭ. بولۇپتۇ، ئوردىغا بارغانمۇ بولاي، ئوردىغا بېرىپ خىزمەتمۇ قىلغان بولاي. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، قائىدە - يوسۇنلارنى ئوبدان بىلىشىم، سۆز - ھەرىكەتلىرىم قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكقۇ؟!
— بۇ گېپىڭ ياخشى بولمىدى، ئىلىگ ساڭا بۇ تەلەپلەرنى قويۇپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئىشلارمۇ مۇھىم ئەمەس، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
— ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ، — دەپ ئېتىراز بىلدۈردى ئودغۇرمىش، — بىز قانۇن - تەرتىپلەرنىڭ ئىجراچىلىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپلىق قىلساق يارىشامدۇ؟
— قېرىندىشىم، تائام دېگەن يېيىلگەندىن كېيىن ھەزىم بولىدۇ. ئەگەر سېنىڭ ئەندىشەڭ شۇ بولىدىغان بولسا، مانا مەن ساڭا زۆرۈر ئىشلارنى ئۆگىتەي.
شۇنىڭ بىلەن ئودغۇرمىش بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە — يوسۇنى ۋە دائىرىسى توغرىسىدا سورىدى، ئۆگدۈلمىش بىرمۇبىر جاۋاب بېرىپ ئودغۇرمىشنىڭ كۆڭۈل تۈگۈنىنى يېشىشكە تىرىشتى، پەزىلەتتىن تارتىپ كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىسىگە قەدەر تەپسىلىي بايان قىلدى.
ئارقىدىن ئودغۇرمىش ئوردىغا بارغاندىن كېيىن كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە — مۇناسىۋەتتە بولغىنىم تۈزۈك، دەپ سورىدى.
20. كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىلىرى
— راست، تىرىكچىلىك كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئارقىلىق تۈۋلەيدۇ، — دەپ سۆزىنى بايان قىلدى ئۆگدۈلمىش، — كىشىلەر بىلەن يارىشىپ ئۆتمىسە تىرىكچىلىكنىڭ لەززىتى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا، ئوردىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرىنى دوست تۇتىسەن، بەزىلىرى بىلەن بۇرادەرچىلىكنى ساقلايسەن. ئوردىدىكىلەر بىر نەچچە تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ. بىرى، ئۆزۈڭدىن ئۇلۇغلار، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قىممەتلىك بىلىپ ئۇلۇغلا. دانالار ئېيتقانكى، كىچىكلەرگە بۈيۈكلۈك ئۇلۇغلاردىن كېلىدۇ، ئۇلۇغلارغا قىلغان خىزمەت سائادەت كەلتۈرىدۇ. يەنە بىر تەبىقە تەڭتۇشلىرىڭ بولۇپ، ئۇلار بىلەن يېقىنلاشساڭ دوست، يىراقلاشساڭ دۈشمەن بولىدۇ. دوستى كۆپ ئادەم ئەل ئارىسىدا ماختىلىدۇ. ئادەملەرنى چۈشەنمەسلىكتىن ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلىۋالما. دوست تۇتساڭ تەڭتۇشلىرىڭدىن تۇت، تەڭتۇشلار بىلەنلا ھەمنەپەس بولغىلى بولىدۇ. قولداشلىرىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە بولسا، سەنمۇ ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ ياخشى مۇئامىلە قىل، ھەرگىز يامانلار بىلەن دوستلۇق ئورناتما. ھەرگىز پىتنە – پاساتچى ۋە غەيۋەتچى بولما، مەرد بولساڭ غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس. پىتنە – پاسات ھەر قانداق ئىشنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىدۇ، ئېرىشكەن بەختتىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئۆچكەن ئوتنى تۇتاشتۇرىدۇ. پىتنە – پاسات قەيەردە بولسا شۇ يەردە خارلىق بولىدۇ. يەنە بىرى، تەمەخورغا ھەرگىز قول بەرمە. تەمەخور ئادەم تەمە قىلغان نەرسىگە ئېرىشسە سېنى ئاكام، ھەتتا دادام دەيدۇ، ئەگەر ئېرىشەلمىسە سېنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كىشىدەك تونۇماس بولۇۋالىدۇ. ئادەمنى ئەڭ پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانمۇ تەمە، ئەڭ ئىپلاس كويلارغا سالىدىغانمۇ تەمە.
تەنبىھ: تەمە قۇتۇلماس قۇللۇقتۇر
ئوغلۇم، ھەر قانداق قۇللۇقتىن تەمە قۇللۇقى يامان. ئۇ سېنى ئۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، پۇت - قولۇڭنى چۈشەپ، نەپسىڭنى بوغىدۇ، ھەتتا كۆرەر كۆزۈڭنى مۇكۈر قىلىدۇ. تەمەخور ئادەمدە ھەقىقىي ئېتىقاد ھەم ئەقىدە بولمايدۇ، پەقەت رەزىل نەپسى ئۈچۈن قارىغۇلارچە باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىدۇ. باشقىلار توغرا ماڭسۇن، خاتا ماڭسۇن، تەمە زەنجىرى ھەر دائىم ئۇنى شۇ كوچىلارغا سۆرەپ كىرىدۇ. تەمەخور ئادەمدە مۇستەقىل پىكىر بولمايدۇ، ھاقارەتلىنىۋاتسىمۇ ئۇنى ھار ئالمايدۇ، دەپسەندە قىلىنىۋاتسىمۇ قارشىلىق قىلىشقا مادارى بولمايدۇ. ئۇنداق ئادەم ياخشىنىمۇ ماختايدۇ، ياماننىمۇ ماختايدۇ. ئۇنداق ئادەمدە ئۆزىنىڭ رەزىل مەنپەئىتىدىن باشقا مەقسەت بولمايدۇ. تەمە زەنجىرىگە باغلانغان ئادەم ۋاقتى كەلسە ئۆز بۇرادەرلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، ھەتتا ئاتا - ئانىسىدىن كېچىشتىن يانمايدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلىدە مۇستەقىل غايە ۋە مەقسەت بولمايدۇ. غوجىسى نېمە دېسە شۇنىلا راست دەيدۇ، غوجىسى نېمە ئىشقا بۇيرۇسا شۇ ئىشنىلا قىلىدۇ، قىلغان ئىشنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، مىڭ ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپمۇ بىر قېتىم ئۆكۈنمەيدۇ.
ئوغلۇم، ئەر بولىدىغان بولساڭ ھەرگىزمۇ تەمە زەنجىرىگە باغلىنىپ قالمىغايسەن. ئۆز روھىڭ ئۆزۈڭ بىلەن، كۆڭۈل خاھىشىڭ، يولۇڭمۇ كۆزۈڭ بىلەن بولسۇن.
ئۆگدۈلمىش يەنە مۇنداق دېدى:
— كىشىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ساقلان. شۇندىلا ئامان - ئېسەن ياشىيالايسەن. دۈشمەنلىشىشتىن ھەرگىز پايدا كۆرمەيسەن. دۈشمەنلىك بولۇش مىڭ خىل دەرد - ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ. كۆڭلۈم جايىدا، ئىشلىرىم ئوڭۇشلۇق بولسۇن دېسەڭ، مۇنداق ئون ئىشنى قىل، ئۇنىڭدىن پەرھىز قىل: خاتىرجەم، خۇشال ھاياتقا ئېرىشەي دېسەڭ ھەسەتخور بولما، دۈشمەنلىرىڭنى قۇل قىلىمەن دېسەڭ ئالتۇن - كۈمۈشلىرىڭنى ئايىما، ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرەي دېسەڭ سېخىي بول، تۇز - تائامىڭنى ئايىما، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەك بولساڭ تىلىڭ بىلەن دىلىڭنى بىردەك تۇت، قەدىرلىك بولاي دېسەڭ باشقىلارنىمۇ قەدىرلەشنى بىل، تولۇق باي بولاي دېسەڭ بارغا قانائەت قىل، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولاي دېسەڭ ياخشى قىلىقلارنى قىلىپ يۈزۈڭنى يورۇق قىل، كىشىلەرنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى بىلمەك بولساڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قارا، بۈيۈك يېقىنلىقنى ئىزدىسەڭ تەمەخورلۇقتىن ساقلان، يۈزۈم يورۇق بولسۇن دېسەڭ ھەق - ناھەق مەسىلىسىدە لىللا مەيداندا تۇر، سۆزۈم بىلەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتى بولسۇن دېسەڭ ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالما، ھەر قاچان ئابرۇيۇم ئۆزۈم بىلەن بولسۇن دېسەڭ سورالغاندا جاۋاب بەر، دۈشمەنلىك بولماي دېسەڭ قۇرۇق سۆزدىن ساقلان، چېقىمچى بولما، ئاداۋەت ساقلىما، پىتنە - پاسات تارقاتما. ئۆزۈڭدىن ئۇلۇغلارنىڭ سۆزىنى رەت قىلما، ئۇلارنى قەدىرلە، تەڭتۇشلىرىڭ بىلەن بېرىش - كېلىش، ئېلىم - بېرىم قىلىپ تۇر. باشقىلار سېنى قەدىرلىسە سەنمۇ ئۇنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قىل، ئەگەر ھاقارەتلىسە سەنمۇ ھاقارەتلە، ئۇنىڭغا يېقىن بارما. سېنى «سىز» دېگەننى سەنمۇ «سىز» دېگىن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئېيتقىن، ئەگەر «سەن» دېسە، سەنمۇ سەنلىگىن. بۇ ئىشتا خۇددى تاغدىن قايتقان ئەكس سادادەك بولغىن.
ئۆگدۈلمىش سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:
— ئادەمگە ئەسقاتىدىغان مۇنداق ئىككى ئىش بار. بىرى، كىشىلەردىن ئاش - تۇزۇڭنى ئايىما. يەنە بىرى، شېرىن سۆز بىلەن ئىللىق چىرايدا مۇئامىلە قىل، توڭ بولما. باشقىلارنى ئۆزۈڭگە مايىل قىلىدىغان بۇنىڭدىن ئەۋزەلرەك چارە تاپالمىدىم. كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنىڭ يوللىرى شۇ. يۇقىرىقىلارغا دىققەت قىلالمىساڭ باشقا ئىشلارنىڭ كارى چاغلىق.
— ھەي كۆڭلى تۈز قاياشىم، دېگەنلىرىڭدىن نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدىم، — دېدى ئودغۇرمىش يەنە سوئالىنى داۋاملاشتۇرۇپ، — شەھەرگە كىرسەم ئوردىدىكىلەر بىلەنلا چەكلەنمەيمەن. باشقا تەبىقىدىكى ئاۋام بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتىمۇ ماڭا چۈشەنچە بەرسەڭ.
— بۇ سوئالنى ياخشى سورىدىڭ، دەرۋەقە ئاۋام خەلق بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ توغرىلىقمۇ بىلىدىغانلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
21. ئاۋام خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە ئۆتۈش ھەققىدە
— ئەي قېرىندىشىم، ئەل ئىچىدە كۆپ خىل تەبىقىلەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مىجەز - خۇلقى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مەن ساڭا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرەي: ئەقىل - پاراسەتتە تۆۋەنرەك، بىلىمى كەمرەك بىر تەبىقە بار، ئۇلارنى «قارا بودۇن»① دەيمىز. ئۇلار ئۆرپ - ئادەت قوغلىشىپ كەتمەيدۇ، ئەدەپ - قائىدىگە رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق، ئۇلار سىز ھېچقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بول. بەزى قائىدىسىزلىكلىرىنى ئېغىر ئالما. ئۇلارنىڭ گېلىدىن باشقا غېمى بولمايدۇ، گېلى تويسىلا شۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ.
يەنە بىر تەبىقە خەلقنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى دانا ئالىملاردۇر. ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ، گەپ - سۆزلىرىنى گۆھەر بىل. ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، ئۇلارنىڭ بىلىمىدىن ئۆگىنىۋال، بىلىملىكلەر باشلىغان يولدا ماڭ. ئۇلار ئاق - قارىنى پەرق ئېتىپ توغرا يولدا ماڭغۇچىلاردۇر. ئۇلارغا ھەرگىز تىل تەگكۈزگۈچى بولما. ئۇلارنى قوغدا، تۇرمۇشىدىن ياخشى خەۋەر ئال. ئۇلار ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى، دىننىڭ تىرىكى، بىلىم - شەرىئەتنىڭ ئاساسى. ئالىملارنىڭ ئىلىم نۇرى خەلققە مەشئەل بولۇپ، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا باشلايدۇ. بىلگىنكى، مەشئەل بولسا كېچىدە يولدىن ئازمايسەن. ئۇلارغا شېرىن سۆز بىلەن مۇئامىلە قىل، ئۇلاردىن ئاش - تۈزۈڭنى ئايىما، خۇشاللىق بىلەن ئۇلارنىڭ
① بودۇن - قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «خەلق» دېگەن بولۇپ، «قارا بودۇن» - «قارا خەلق» دېگەنلىك بولىدۇ.
خىزمىتىنى قىل. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز ھۆرمەتسىزلىك قىلما، ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە قانچىلىك قەدىرلىسەڭ قەدىرلە. ئۇلارنىڭ بەزى يامان ئىش - ھەرىكەتلىرى بولسا ئېغىر ئالما. ساڭا لازىملىقى ئۇ ئۇستازلارنىڭ بىلىمى. شۇڭا، ئۇلارنى قوي پادىسى ئارىسىدىكى سەركە دەپ بىل. سەركە قوي پادىلىرىنى دېگەن مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ.
تەنبىھ: ئۇستازلارنى، ئالىملارنى ھۆرمەتلە
ئەي ئوغۇل، ئىلىم ئىگىلىرىنى ۋە ئۇستازلىرىڭنى قەدىرلىگەيسەن. ئۇلار ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك كىشىلەردۇر. ئەڭ ئەزىز، ھۆرمەتلەشكە مۇناسىپ كىشىلەرنى سۆيسەڭ، سەنمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ قالىسەن. دۇنيادا ئېرىشىش ئەڭ مۇشكۇل بولغان نەرسىلەر ھەممىدىن ئەزىز ۋە قىممەتلىك بولىدۇ، ئارىمىزدا بىلىملىك، ئەقىللىق ئالىملار ئىنتايىن ئاز، بىلىمسىز، نادان كىشىلەر كۆپ. بىلىمسىزلەرنى تاش دېسەڭ، بىلىملىكلەر گۆھەرگە ئوخشايدۇ. تاش بىلەن گۆھەرنى پەرق ئېتەلمىگەن ئادەمنى ئەقىل ئىگىسى دېگىلى بولمايدۇ. تارىختىن بۇيان بىلىملىك ئالىملار، ئەلنىڭ قەلبىگە ئىلىم سالغان ئۇستازلار ھۆرمەتلىك ئورۇنغا مۇناسىپ بولۇپ كېلىشتى. چۈنكى، قايسى خەلق ئالىملارنى، ئۇستازلارنى قەدىرلىيەلىسە، ئۇلارغا يۇقىرى ئورۇن بېرەلىسە، شۇ ئەل روناق تاپتى ۋە گۈللەندى، قايسى ئەلدە ئىلىم ئىگىلىرى خارلانغان بولسا شۇ ئەل خارابلاشتى. ئۇستازلىرىڭنى، بىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلىمىسەڭ ئۇلارغا چوڭ زىيان بولمايدۇ، سەن قەدىر - قىممىتىنى قىلمىسەڭ، باشقىلار يەنىلا قەدىر - قىممىتىنى قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ھۆرمەتسىزلىكىڭ تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭ جاھىللار، نادانلار جۈملىسىدىن سانىلىپ قەدىر - قىممىتىڭدىن مەھرۇم بولۇپ قالىسەن. يەنە بىرى،
ئۇستازلىرىڭدىن، ئالىملارنىڭ ئىلىم بايلىقىدىن ھېچقانداق بەھرە ئالالمايسەن. پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر ئايلىنىپ تۆر بىلىمسىزلەرگە ئورۇن بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، خۇددى جىڭ ئالتۇن لايدىمۇ ئۆز رەڭگىنى ۋە قىممىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغانغا ئوخشاش، بىلىمسىزگە ئورۇن بەرگەن تۆر پەگاھ، بىلىملىككە تەككەن پەگاھ ئاللىبۇرۇن تۆرگە ئايلىنىدۇ. تۆرنىڭ تۆر بولۇشى ھەرگىزمۇ سېلىنغان كۆرىدە ئەمەس. سەن كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىمەن دېسەڭ، ئۇنىڭ بەستىگە، كىيىم - كېچىكىگە، ئىسمىنىڭ ئولۇغلۇقىغا قارىما، ئۇلار ئادەمنىڭ ھۆرمەتلىك بولۇشىغا ئاساس بولالمايدۇ. ئەسلى ھۆرمەت ھەر قانداق كىشىنىڭ بىلىمىگە، ئەل ئارىسىدا ئويناۋاتقان رولىغا ئاساسەن بولىدۇ. ئوغرى ئۈچۈن كېچىدە ئاينىڭ لازىمى بولمىغانغا ئوخشاش، پەقەت نادان، بىغەرەز ئادەملەرلا ئۇستازلارغا ۋە ئالىملارغا پۇت ئاتىدۇ. ئوغلۇم، بىلگىنكى، قەلبىڭ بېتىگە ئىلىمدىن بىر رەقەم چەككەن ئۇستازنىڭ ھەققى - ھۆرمەتىنى مىڭ تىللا بىلەنمۇ ئاقلاپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ ياراملىق، بىلىملىك بولۇپ چىقىشىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىدا قىلىۋاتقان يەردە، سەن ئۇلارنى ھۆرمەتلىمىسەڭ ئادىمىيلىك بولامدۇ؟ ئەقلىڭ بولىدىغان بولسا، سەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان، سەن ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، كېچە - كۈندۈز سېنىڭ غېمىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقان ئۇستازلىرىڭنى ھەقىقەتنى سۆيگەندەك سۆيگىن.
ئەي پەرزەنت، يۇقىرىدا ئۇلۇغلىغان ئۇلۇغلاشلىرىمىز، چىرايلىق مەدھىيلىرىمىز، قول باغلاشلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئىلھام، لېكىن بۇنىڭ ئۆزىلا كۈپايە قىلمايدۇ. «تۇخۇم تۇغسا، دان يېمىسە» دېسە بولمايدۇ. ئالىملارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ مەقسىتى ئەل - ۋەتەننىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان بولساڭ ئۇلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ يولىدىن ماڭ، ئۇلارنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇر. ئۇلارغا
قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل، ياردىمىڭنى ئايىما. ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئاقلاشمۇ ئۇلار ئۈچۈن چوڭ ياردەم قىلغانلىقىڭ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى يامان ئادەت ۋە قىلىقلىرى بولسا ئېغىر ئالما، رەنجىمە ھەم ھەرگىز تىل تەگكۈزگۈچى بولما. تۈرمۈشتىكى خاتىرجەملىك بىلىم - كامالەتكە يېتىشنىڭ ئوزۇقى بولسا، تۈرمۈشتا قىسىلىش كامالەت قەدىمىنىڭ تۈزىقى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار تۈرمۈشتا قىسىلىپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن. ئۇلار نېمىگە ھاجەتمەن بولسا، شۇنى راۋان قىلىشقا تىرىشقىن. ئۇلار تۈرمۈشتا خاتىرجەم بولالىسا ئاندىن ئىلىم نۇرى تېخىمۇ يورۇغان بولاتتى.
ئەي قەدىرلىك ئوغۇل، ئەگەر ئۆزۈڭ ئۇستازلىق ئورنىغا ئىگە بولۇپ قالساڭ، ئىلىم - ھېكمەتتىن تىكلىگەن ھۆرمەت ھەيكىلىنى كىبىرلىك توپانى بىلەن غەرق قىلمىغىن. شۇنى ئۈتتۈمىغىنكى، ئىلىم - ھۈنەر باشقا ئىش، ئادىمىيلىك خىسلەت ۋە پەزىلەت باشقا بىر ئىش. ياخشى خىسلەت ھۆرمەت دەرىخىڭنى ياشارتىدۇ، ھاكاۋۇرلۇق قەدىر - قىممەت يىلتىزىڭنى قۇرۇتىدۇ. سەن قانچىلىك كىچىك يېئىل بولساڭ تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كۆرۈنىسەن، مەيدەڭنى قانچە كەرسەڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن شۇنچە تېز چۈشىسەن. ھاياتتا ئەل - جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن ئارتۇقراق خۇشاللىق بولمىغىنىدەك، ئەلنىڭ نەزەر - ئېتىبارىدىن چۈشۈپ قېلىشتىن ئارتۇق يوقىتىشمۇ يوق. ھۆرمەتكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈنچە ئوڭاي ئەمەس، لېكىن ئۇنى يوقىتىپ قويۇش بەكمۇ ئوڭاي. ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇش يېڭى - يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ.
دېھقانلار ھەققىدە كىشىلىك ھاياتتا ئىنتايىن كېرەكلىك يەنە بىر تەبىقە بار.
نەپەس ئېلىۋاتقان، قىمىرلاپ تۇرغان جانلىقلار ئۇلارغا موھتاج. ئۇلارنى تېرىقچى (دېھقان) دەيمىز، سەنمۇ ئۇلارغا موھتاج بولماي قالمايسەن. ئاش - ناندىن غەمسىز ياشاي دەيدىكەنسەن، تېرىقچىنى ۋە تېرىقچىلىقنى سۆيگىن. تېرىقچىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بول. تېرىقچىلارنىڭ قولى ئوچۇق كېلىدۇ، كۆڭۈل - كۆكسىنى خۇدا بەرگەندىنمۇ زىيادە كەڭ تۇتىدۇ، ئۇلار شۇنداق ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي. ئۇلارغا ياردەم قىل، ئۇلارنى كەمسىتمە. ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلساڭ تۈزكۈرلۈق بولىدۇ، تۈزۈڭنى يەپ تۈزلۈقۈڭنى چاقاي دېگەندەك بىھۆرمەتلىك، ئەدەپسىزلىك قىلغان بولىسەن. تېرىقچىلار دىلى پاك، جاپاكەش قوۋم. پاك، جاپاكەشلەرنى ھۆرمەتلەش ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىگەندەك مۇھىم. ئۇلارغا يۈزۈڭنى ئوچۇق، قەلبىڭنى يورۇق تۇتۇپ ئىللىق مۇئامىلە قىلغىن.
چارۋىچىلار ھەققىدە
قىش - ياز چارۋىچىلىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان يەنە بىر تەبىقە بار، ئۇلارنى چارۋىچى دەيمىز. بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئېغىرى چۈشمەيدۇ، ئۇلار ئوچۇق - ئاشكارا، راستچىل كىشىلەردۇر. ئۇلار ھەرگىز ھىيلە ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، قائىدە - يوسۇننىمۇ كۆپ قوغلىشىپ كەتمەيدۇ، قارا ساۋات كېلىدۇ. ئۇلار ئۆز ئەركى بويىچە ئىش تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن، مىجەزى قوپالراق كېلىدۇ. ئارىلاشقاندا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال. بىلىمسىز، نادان كىشىلەر ساددا كېلىدۇ. بىراق، ئۆيۈڭنىڭ بىساتى بولغان كىگىز، گىلەم، پالاسلار شۇلاردىن كېلىدۇ. يېمەك - ئىچمەكتە لازىملىق قىمىز، سۈت، قېتىق، قايماق، قۇرۇتلار شۇلاردىن كېلىدۇ. مىنىشكە لازىملىق ئات - ئۇلاغنى شۇلار تەمىنلەيدۇ. ئۇلارغا توغرا، دۇرۇس مۇئامىلە قىل. لازىملىق نەرسىلەر بولسا ئۇلاردىن سورا، بولسىلا ياق دېمەيدۇ.
ئۇلار سورىسا سەنمۇ ئايماي بەرگىن.
سودىگەرلەر ھەققىدە
ئېلىم - سېتىم بىلەن تاپاۋەت قىلىدىغان بىر گۈرۈھ بار، ئۇلارنى تىجارەتچى دەيمىز. ئۇلار تىرىكچىلىك ئۈچۈن جاھان كېزىپ يۈرۈيدۇ. بۇ دۇنيادا سەن ئارزۇ قىلغانلىكى تاڭسۇق نەرسىلەر شۇلاردىن تېپىلىدۇ. ئۇلار مەشرىقتىن مەغرىبكىچە كېزىپ يۈرۈپ، ساڭا كېرەكلىك بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. جاھان سودىگەرلىرى بولمىغان بولسا، تۈمەن خىل تاۋار - دۇردۇنلار، ھەر خىل ئېسىل بۇيۇملار نەدىن كېلەتتى؟ بۇ ھەقتە سۆزلىسە گەپ تولا. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇلارغا دائىم ئىشىكىڭنى ئوچۇق قىل. سودىگەر دۇنيا كېزىپ يۈرۈپ ياخشى - يامان ئىشلارنى جاھانغا يايغۇچىلاردۇر. ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، ياخشى قارشى ئالساڭ نامىڭ ياخشى بولىدۇ. دىققەت قىلغىنىكى، ئۇلار پايدا - زىيانغا بەك ئېتىبار بېرىدۇ. شۇڭا، ئۇلاردىن ساڭا ئازراق بىر نەرسە ئۆتۈپ قالغان بولسا قايتۇرۇشقا تىرىشقىن.
ھۈنەرۋەنلەر ھەققىدە
تۇرمۇشنىڭ زىننىتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بىر تەبىقە بار، ئۇلار ھۈنەرۋەنلەردۇر. ئۇلار تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھۈنەر - سەنئەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئىنتايىن كېرەكلىك تەبىقىدۇر. تۆمۈرچى، موزدۇز، ئويمىچى (نەققاش)، كۆنچى، سىرچى، بوياقچى، ئوۋچى، ياچى، سانىساڭ سانى بەك كۆپ، دۇنيادىكى تاڭ قالارلىق ئىشلار شۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئۇلارغا ئوبدان مۇئامىلە قىل. ئىشىڭنى قىلغان بولسا ھەققىنى ۋاقتىدا بەر. ئۇنداق قىلمىساڭ ئەل ئارىسىدا يامان ئاتاققا قالىسەن، نامىڭنى بۇلغايسەن. ياشاشنىلا بىلىپ، نام - ئاتاقنى قايرىپ قويغۇلۇق
ئەمەس. ئۆمرۈڭدە بىرەر نام - ئاتاق قالدۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىزدىن بۇ دۇنياغا قالىدىغىنى شۇ ئەمەسمۇ. نام ياخشى بولسا ئۆمۈرمۇ مەنىلىك بولىدۇ. كىمنىڭ نامى يامان ئاتاق بىلەن تونۇلسا، ئۇنداق ئادەمنىڭ تىرىكلىكىدىن ئۆلگىنى ياخشى. ئەي قېرىندىشىم، ئەل ئارىسىدا يەنە سەن ئارىلىشىشقا تېگىشلىك شائىر، مۇنەججىم، پالچى، تەبىرچى دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن تەبىقىلەر بار. ھەممىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بار، ھاياتتا سېنىڭ چوقۇم ئۇلارغا ھاجىتىڭ چۈشىدۇ. شۇڭا، ھەر قاچان ئۇلار بىلەن توغرا، دۇرۇس مۇئامىلىنى ساقلاشقا تىرىشقايسەن.
تەنبىھ: كەسپىنىڭ ئۆگىيى يوق
ئەي پەرزەنت، ھاياتىڭدا بىرەر كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولغىن ھەم قىلىۋاتقان كەسپىڭگە چىن دىلىڭدىن ئەقىدە قىلغىن. كىشىلىك ھاياتقا كېرەكلىك بولغانلىكى كەسىپنىڭ چوڭ - كىچىكى، ئەتىۋارلىق - ئەتىۋارسىزى، تۈزى ۋە ئەگرىسى بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر قازان ئاش ئېتىپ يېيىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشلىققا موھتاج بولىمىز، ئاشلىق بولمىسا ھاياتلىق كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. ئاشلىققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تېرىقچىلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشقا لازىملىق بولغان كەتمەن، گۈرجەك، بوقۇسا ۋە باشقا قوراللارغا موھتاج بولىدىغان گەپ. ئاشلىق تەييار بولسا ئۇنى پىشۇرۇش ئۈچۈن قازان، چۆمۈچ، يېيىش ئۈچۈن تاۋاق، قوشۇق قاتارلىق نەرسىلەرگە ھاجەتمەن بولىمىز. مۇبادا يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسى بولمىسا بىر قازان ئاشنى ئېتىپ يېيىشكە ئامالسىز قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتتە تېرىقچىمۇ، تۆمۈرچىمۇ، چارۋىچىمۇ، سودىگەرمۇ بولۇشى كېرەك. شۇڭا، سەن ئالدى بىلەن نېمە ئىش
قىلىشنى ئويلىشىشتىن بۇرۇن، شۇ ئىشنى قانداق قىلىشنى ئويلىشىڭ لازىم. ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتا، چوقۇم ئۇ ئىشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلە، قانۇنىيىتىنى ئىگىلىۋالساڭ ئاندىن ئۇ ئىشتا ئۇتۇق قازىنالايسەن. ھۈنەرنى، كەسىپنى خار كۆرمە، بولمىسا ئۆزۈڭ خارلىق كۆرسەن، كەسىپتىنى، ھۈنەرتىنى ئەزىز بىلسەڭ ئۆزۈڭمۇ ئەزىزلىنىسەن، ھەرگىزمۇ دۇنيادا ھۈنەرسىز، كەسىپسىز قالمىغايسەن. ھاياتتا ئەڭ ئېغىر ئىشمۇ ھۈنەرسىزلىك، كەسىپسىزلىكتۇر. ھۈنەرگە، كەسىپكە ئەقىدە قىلساڭ ئۇمۇ ساڭا قۇت ئاتىدۇ.
بىرەر كەسىپنىڭ ئەھلى بولغان بولساڭ، ھەرگىزمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالما، ئىزدىنىپ ئۇ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زېھنىڭنى سەرپ قىل. ھاياتىي كۈچى زور يېڭى - يېڭى نەرسىلەر بولسا قوبۇل قىل ھەم ئۆزۈڭ يېڭى - يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىل. خەلق نېمىگە ئىنتىلىۋاتىدۇ، نېمە كىشىلەرنىڭ ئىستېمالىدىن قالدى، بۇلارنى ئوبدان كۆزەتكىن.
ھاياتىڭدا نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بەلگىلە، ئۆزۈڭنىڭ قىزىقىشى نېمە بولسا شۇنى قىل، ئاندىن راۋاج تاپالايسەن. چامىڭ يېتىدىغان ئىشلارغا ئېسىل، چامىڭ يەتمەيدىغان بولسا دەرھال ۋاز كەچ. سەن ئەڭ ئاددىي دەپ قارالغان ئىشلاردىن يېڭى نەتىجە قازىنالمىساڭ، ئۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئىش بولىدۇ. چوڭ ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىساڭ ۋاقتىڭ، ھاياتىڭ، ئەجرىڭ، زېھنىي كۈچۈڭ بىكاردىن زايە بولىدۇ. ئەمگەكنىڭ زايە بولۇپ كېتىشى بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
— ھەر قايسى تەبىقىلەر بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەت
قائىدلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم. ئەمدى ماڭا كىشىلەر بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قائىدلىرى توغرىسىدىكى ساۋاتنى سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ. چۈنكى، مەن شەھەرگە بارسام كىشىلەر بىلەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە بولۇشۇمغا توغرا كېلىدىغۇ، — دەپ ئۆتۈندى ئودغۇرمىش.
22. ھېساب ۋە ھېسابات ئىشلىرى توغرىسىدا
— توغرا دېدىڭ، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ۋە ھەممە ئىشنىڭ ھېسابى بولىدۇ. يىللار، ئاي - كۈنلەرنىڭمۇ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكنىڭمۇ، ھەتتا ئۆمۈرنىڭمۇ ھېسابى بولىدۇ. بۇ دۇنيادىن ھېسابسىز ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھەر قانداق ئىشنى توغرا، لىللا ھېساب بىلەن يۈرۈشتۈرسەڭ، كۈنلىرىڭ ئىلگىرى باسىدۇ، ھەتتا ئائىلىۋى ئىقتىسادتىمۇ ئىنتايىن پۇختا بولغان ياخشى. كىرىمىڭگە يارىشا چىقىم قىل، چىقىم بولسا دەرھال كىرىمنىڭ يولىنى قىل. چىقىمىڭ ھەرگىز كىرىمىڭدىن ئېشىپ كەتمىسۇن. ئون يۈەن پۇل كىرىم قىلغان بولساڭ، ئىككى يۈەننى كەينىڭگە تاشلاپ قوي، شۇندىلا خارلىق كۆرمەيسەن. موھتاجلىق دېگەن بەك ئېغىر، ئۇنى كۆتۈرمەك مۇشكۈل.
— قولۇڭ قىسقا بولۇپ قالغان چاغلاردا كىشىلەرگە زارلانما، يېلىنما. موھتاجلىقىڭنى دوستلىرىڭ بىلسىمۇ قولۇڭغا قول، پۈتۈڭغا پۈت بولالىشى ناتايىن، دۈشمەنلىرىڭ ئاڭلىسا تىنماي كۈلىدۇ، بۇرادەرلىرىڭنىڭ ئالدىدىمۇ خارلىقتا قالىسەن، كۆڭلۈڭ ئاغرىيدۇ، دىلىڭ ئازار يەيدۇ.
ھەرگىز باشقىلارغا دەسمايە قوشۇپ شېرىكچىلىك يولىنى تۇتما، بولمىسا پۇشايماندا قىزىل مەڭزىڭ زەپىران بولىدۇ. پۇل دېگەن بەك سۆيۈملۈك نەرسە. چۈنكى، ئۇنىڭسىز تىرىكلىك ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ مېھرى خۇددى گۈزەل قىزىنىڭ مېھرىدەك ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە ئەسىر قىلالايدۇ. پۇل دېگەن ھەر قانداق كۆڭۈلنى ئوۋلىيالايدۇ، ھەر قانداق ئېگىلمەس بويۇننى ئېگەلەيدۇ.
شۇڭا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قىلماقچى بولساڭ ۋۇجۇدى توغرىلىق بىلەن پۈتكەن، ۋىجدانلىق كىشىنى تاللاپ مۇئامىلە قىل.
تەنبىھ: ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە غاپىل بولما
ئوغلۇم، ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە ئادەملەرگىمۇ ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە، كۆڭلۈڭگىمۇ ھەددىدىن ئارتۇق تەمەننا قويما. ئادەممۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، كۆڭۈلمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كۆڭلۈمدە ساقلىسام بولدى، دەپ قاراپ ھېساب - كىتاب ئىشلىرىنى ئېنىق قىلمىساڭ بولمايدۇ. «ھېساب راست - دوست راست» دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشەن. ھېسابنى ئېنىق قىلغان ئادەمنى ھېچكىم يامان ئالمايدۇ. ھېساب ئېنىق بولماي شۈبھە بىلەن كۆڭلۈڭگە گۈمان چۈشۈپ قالغاندىن، ھېسابنى ئېنىق پۈتۈپ قويغىنىڭ تۈزۈك. ھېساب ئىشى خان ئىشى ھەم جان ئىشى. ھېساب بىلەن ئويناشقانلىق جان بىلەن ئويناشقانلىق. ھەر قانداق كىرىم - چىقىم ھېسابىڭنى دەپتەرگە پۈتۈپ قوي. كىمدىن نېمە ئالدىڭ، كىم سەندىن نېمە ئالدى ئېنىق بولسۇن. كىشىلەر بىلەن ئارىدا توختام، ھۆججەت ۋە شاھىتلار بولسۇن. ئىقتىسادىي مەسىلىدە دوستۇم ئىدى، تۇغقىنىم ئىدى دەپ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى. كۆڭۈل دېگەن ھەممىگە قادىر ئەمەس، كۆڭلۈمدە ساقلايمەن دەپ ئالغان - بەرگەنلەرنى پۈتۈكسىز قويۇپ قويساڭ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خاپىلىق ئۆزۈڭ ئۈچۈن كىشەن بولىدۇ. پۈتۈلگىنى مىسالى قۇياش بولسا، پۈتۈلمىگىنى گوياكى قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئوخشايدۇ. ھېسابقا پۇختا بول، بۇ ئىشتا تۆت ئەمەلنىڭ ماھىرى بول.
ئوغلۇم، پۇل دېگەننىڭ مېھرى ئىسسىق، ئۆزۈمنى بۇلغىماي، ئالەمدە رەسۋا بولماي دېسەڭ كۆڭلۈڭنى، ئۆزۈڭنى
ئەقلىڭ بىلەن كونترول قىل. ھەرگىز كۆڭۈل ئېزىتقۇسىنىڭ كەينىگە كىرىپ باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ پاكلىقىڭنى بۇلغىمىغايسەن. كۆز كۆرسە كۆڭۈل تارتىدۇ، كۆڭۈلنى توسماق تولىمۇ مۇشكۈل. شۇڭا ئۆزۈڭنى بەك تىزگىنلىمىكىڭ لازىم. ھەرگىز خىيانەتكار بولمىغايسەن، پۇل، مال - دۇنياغا ۋىجدانىڭنى، ئىمانىڭنى، ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىڭنى خار قىلمىغايسەن. پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇزغان، پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىغان ئادەمنىڭ ئىنسانىي قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ. چۈنكى، پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى قىممەتلىك دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى چۈشەنگىنكى، بىر ئۆمۈر تىكلىگەن قەدىر - قىممىتىڭ ۋە ئابرۇيۇڭ ئازغىنە پايدا - مەنپەئەتنىڭ قۇربانى بولسا بەك ئەپسۇسلۇق ئىش بولمامدۇ؟!
ئېلىم - بېرىمدا ھەرگىز يالغانچى ئاتىلىپ قالما. يالغانچىلىق خەلقئالەم ئالدىدا بېشىڭنى تۆۋەن قىلىدۇ. بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى يالغانچىلىقىڭنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلا، مۇرۇۋۇۋەتسىز، ئىنساپسىز بولما. باھادا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئەرزىمىگەن ئىشلارنى باھانە قىلىپ تالاش - تارتىش قىلما. توغرا، راست سۆزلۈك بولساڭ سەن بىلەن كىشىلەر يۈرەكلىك ئالاقە قىلىدۇ، بولمىسا كىشىلەر سەندىن قاچىدۇ. ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئۆزۈڭنى ئىشەنچسىز قىلىپ قويساڭ، ياغاچ قازان بولۇپ قالىسەن، ياغاچ قازاندا پەقەت بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ. ساختىلىق قىلىپ ئىگە بولغان پايداڭدىن كېيىن تارتىدىغان زىيىنىڭ كۆپ بولىدۇ. ئېلىم - بېرىم مۇناسىۋىتىدە پەقەت ئۆزۈڭنىڭلا مەنپەئىتىنى كۆزلىمە، سەن بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنىڭمۇ پايدىسىنى ئويلا. ئۆز پايداڭنى دەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمە. ئۆز پايدىسى ئۈچۈنلا كەتمەن چېپىش ئىنسانىيلىقمۇ، مەردلىكمۇ ئەمەس.
ئودغۇرمىش يۇقىرىقى بايانلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆگدۈلمىشتىن يەنە سوئال سورىدى:
— ئۆگدۈلمىش، كىشىلەر بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن ھەر خىل مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىغا بارىدىغان گەپ، مەنمۇ مېھمان چاقىرىشىمغا توغرا كېلىدۇ. مېھماندارچىلىقنىڭ قائىدە — يوسۇنلىرى توغرىسىدىمۇ چۈشەنچە بەرسەڭ بولاتتى.
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تىل داستىخىنىنى ھازىرلاپ، ئۇنىڭغا سۆز بېغىدىن مۇنداق نازۇنېمەتلەرنى تىزدى.
23. مېھماندوستلۇق ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىش ھەققىدە
— ھەي قېرىندىشىم، مېھماندوستلۇق ئىنسان ئۈچۈن ياخشى سۈپەت. ئۇ ئادىمىگەرچىلىك، سېخىيلىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ شاھىتى. مېھماندارچىلىق ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، چاقىرغان جايغا بېرىش. يەنە بىرى، مېھمان چاقىرىش.
مېھمان چاقىرماقچى بولساڭ قولۇڭ ئۆزۈن، ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭ ياخشى بولسا ئاندىن ياخشى تەييارلىق قىلىپ مېھمان چاقىر، چاقىرماقنىڭ ئېتى ئۇلۇغ بولىدۇ. ياخشى تەييارلىق قىلىپ مېھمانلارنى ئوبدان، ئوچۇق - يورۇق كۈتسەڭ دىلىڭمۇ يورۇق بولىدۇ. ئەگەر يېتىشلەمىگۈدەك بولساڭ مېھمان چاقىرىمەن دەپ زورۇقما، بولمىسا ئۆزۈڭ ئوڭايسىزلىنىپ قالىسەن، مېھمانلىرىڭنى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتەلمەي ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭمۇ مۇمكىن. مېھمان چاقىرغان بولساڭ ئاش - تامىقىڭنى كەڭرى قىل، لېكىن ئىسراپ بولمىسۇن. ئىسراپچىلىق بەك يامان ئىش. چاقىرساڭ يېقىن - يورۇقلىرىڭدىن، ساڭا قەلبداش، دىلكەش دوستلىرىڭدىن بىرەرسىنىمۇ ئايرىپ قويما. گال ئاغرىقى بەك يامان ئاغرىق، دوستلىرىڭنىڭ سەندىن كۆڭلى قالدىن ئاغرىنمايدۇ. تائام ھەممە مېھمانلارغا تولۇق يەتسۇن. مېھمانلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش كۆزدە قارا، مېھمانلارنىڭ ھەممىسىنى تاماققا ئورتاق تەكلىپ قىل. بىرەرسىنىڭ نامىنى ئاتاپ ئايرىم تاماققا زورلىساڭ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. تاماقنى تۆردە ئولتۇرغانلار بىلەن تۆۋەندە ئولتۇرغانلارغا ئوخشاش تارتقىن، ھەرگىز پەرقلەندۈرمە. كېچىكىپ كەلگەنلەر بولسا ئايرىم داستىخان ھازىرلاپ، تائاملارنى تولۇق تارتقىن. مېھمانلارغا تاماق
يېتىشمەي قېلىپ، ئاچ قايتىپ قالمىسۇن. بۇنىڭغا ئوبدان كۆز - قۇلاق بولۇپ تۇرغىن، شۇندىلا ئۇلار سەندىن رازى بولىدۇ. مېھمان چاقىرىشتا كىمنى تەكلىپ قىلىش، كىمنى تەكلىپ قىلماسلىققا دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغانغا ئوخشاش، زىياپەتكە بېرىشتىمۇ نەگە بېرىش، نەگە بارماسلىققىمۇ ئوبدان ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىغا ئالدى بىلەن بار. باشقا مېھماندارچىلىق بولسا دوست - بۇرادەرلەرنىڭكىگە، قوشنا - قولۇملارنىڭكىگە ئاۋۋال بېرىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئال. دىلىڭ تارتمىغان، ئۆزۈڭ خالىمىغان يەرگە ھەرگىز بارغۇلۇق ئەمەس. يەنە بىرى، چاقىرمىغان جايغا بارما، بولمىسا قىسىلىپ، قورۇنۇپ قالىسەن، كۆڭلۈڭ ئازادە بولمايدۇ. نامۇناسىپ كىشىلەر چاقىرغان بولسا ئۆزۈڭنى تارتقىنىڭ ياخشى. نورمال بولمىغان، كەيپ - ساپا، ئەدەپسىز ئادەملەر ئولتۇرغان سورۇندا ئاداۋەت ساقلىغۇچىلارنىڭ، مەستلەرنىڭ جېدەل - غەۋغاللىرى بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق ئولتۇرۇشلارغا كۆڭلۈڭنى يېشىمەن دەپ بېرىپ دىلىڭ چىگىلىدۇ. دېمەك، بىر كاپام ئاش ۋە بىر ئوتلام ئىچىملىكنى دەپ بېرىپ ئۆزۈڭنى خار قىلما، ھەرگىز گالنىڭ قۇلى بولۇپ قالمىغايسەن.
ھەر قانداق سورۇنغا تاللاپ بارغاندىن كېيىن، ئەمدى بارغان سورۇنلاردا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش مەسىلىسىمۇ بار. ھەر قانداق سورۇنغا بارساڭ تائامنى ئەدەپ - قائىدە بىلەن يېگىن، مۆتىۋەر كىشىلەر تائامغا قول ئۇزاتماستىن بۇرۇن ھەرگىز تائامغا قول ئۇزاتما. چوڭلار بىلەن بىرگە بولغان سورۇنلاردا چوڭلارغا ئەگىشىپ ئەدەپ بىلەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن تاماق يېگىن. نەپسىڭ بالاسى سېنى جەھەننەمگە ئۇزىتىشقا ھازىرلانغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى لوقمىغا قول ئۇزاتما، ئالدىڭدا نېمە بولسا شۇنى يېگىن. داستىخاندا ئورنۇڭ نەگە توغرا كەلسە شۇ يەردە ئولتۇر، ھەرگىز سۈرۈلۈپ يۇقىرى چىقىۋالما، قوپۇپ كەت دېسە
ئۆزۈڭگە سەت بولىدۇ. تائام يېگەندە ئالدىراپمۇ كەتمە، نازلىنىپمۇ ئولتۇرما، تاماقنى ماختاپ ئىشتىھا بىلەن يېگىن. ھەر قانچە قورسىقىڭ توق بولسىمۇ، ئازراق ئېغىز تەگكۈز، بولمىسا ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆڭلى رەنجىيدۇ. سېنى ئادەم ئېتىپ شۇنچە ئەجىر قىلىپ چاقىرسا ئۆي ئىگىسىنى پەرىشان قىلساڭ بولامدۇ؟! ئاچ كۆزلۈكتىن ساقلان، يېمەكلىكلەرنى ئۇششاق چايناپ يە، ئالدىراپ پۈتۈن - پۈتۈن يۇتما، قىزىق ئاشنى پۈۋلىمەي ئوتلىما. قىسقىسى، نەپسىڭ ھاكىملىق قىلىپ پەزىلىتىڭنى پەسلەشتۈرمىسۇن.
ئىككىنچى گەپ، زىياپەت سورۇنلىرىدا بولسۇن ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا بولسۇن، ئەدەپ ساقلاشنى بىلگەيسەن. چوڭلارنىڭ قېشىغا كەلسەڭ ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە بولساڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆرەڭلەپ، قوللىرىڭنى سېلىپ كىرمىگىن، باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئال، ئۆزۈڭمۇ تەزىم بىلەن سالامنى بەجا كەلتۈر. ھەرگىز غاپىل بولما، ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر. جەمئىيەتتە ھەر قانداق ئادەمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، بىلىملىك - بىلىمسىز - لىكى، جامائەت ئالدىدىكى قەدىر - قىممىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ۋە مەرتىۋىسىگە قاراپ بەلگىلىك ئورنى بولىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىپ ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇندا ئولتۇرغىنى تۈزۈك. جامائەت سورۇنلىرىدا كەلسە - كەلمەس يەرگە تۈكۈرمە ھەم بۇرنۇڭنى تاشلىما، بۇ بەكمۇ يامان ئادەت. زۆرۈر تېپىلسا خالىي جايغا بېرىپ ئۆزۈڭنى بوشىتىۋال. گېلىڭنى قاتتىق قاقما. ئولتۇرغاندا بەداشقان قۇرۇپ، پۇتلىرىڭنى سۇنۇپ ئولتۇرما، يانپاشلاپ ياتما. بۇ ئادەتلەر باشقىلارغا نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك تۇيۇلسا، ئۆزۈڭگە نىسبەتەن چوڭ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. باشقىلارنى كۆزۈڭگە ئىلمىساڭ سەنمۇ ئېتىبارسىز بولۇپ قالىسەن. سورۇندا قاقاقلاپ قاتتىق ئۈن بىلەن كۈلمىگىن. بۇنداق كۈلكە، مەستلەرگە، ساراڭلارغا خاس، ئانچىكى گەپلەرگە قاقاقلاپ كۈلۈش تېتىقسىزلىق بولىدۇ. قاقاقلاپ
كۈلۈشتىن بۇرۇن ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىنى پادىڭغا ئال. ھەر قانداق ئىشنىڭ ئورنى، تەرتىپى بولغانغا ئوخشاش، كۈلكىنىڭمۇ ئورنى ۋە چېكى بولىدۇ. يەنە بىرى، ياسالما، سىپايە كۈلكىنى كۈلمە، ئۇنداق كۈلكە خۇشامەتكۇپلۇقىڭنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تىرناق ئېلىش، پۇتىنى مىنگەشتۇرۇپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئۆزۈڭدىن چوڭلار گەپ قىلىۋاتقاندا تىلىڭنى تارت، قوشۇق سېلىپ گېپىنى بۆلمە. ئاۋازلىق، ۋارقىراپ - جارقىراپ گەپ قىلما، ئەدەپ بىلەن شېرىن، يۇمشاق گەپ قىل، بولمىسا شاللاق، ئەدەپسىز ئاتىلسەن، قەدىر - قىممىتىڭ بولمايدۇ، بەخت - سائادەت سەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەدەپ ئەڭگۈشتىرى قولۇڭدىلا بولسا باشقىلار سەندىن سۆيۈندۇ.
تەنبىھ: تەن ساقلىق - پادىشاھلىق
ئوغلۇم، تەن ساقلىق - پادىشاھلىق، دېگەن گەپ بار. تەن ساقلىق ھەم بەخت. ساغلام بەدەن كۈچ - قۇدرەت ھەم شىجائەت. كېسەللىك بولسا جاننىڭ تۈزىتى. كۈچ - قۇدرەتنىڭ خورىشى، گۈلدەك روخسارىڭنىڭ زەپىران بولۇشى بەخت ھۇزۇرىنىڭ سەندىن يىراقلىشىشىدۇر. كېسەللىكنىڭ ياخشىسى، ئۆلۈمنىڭ ئۆگىيى ياكى نېسىسى بولمايدۇ. شۇڭا تەن ساغلاملىقىڭنى ئاسرىغايسەن. كېسەللىكنىڭ كۆپلىگەن سەۋەبلىرى بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىككى. كېسەللىك بىرى، غىزادىن، يەنە بىرى، مەينەتچىلىكتىن بولىدۇ. چۈنكى كۆپ كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ. شۇڭا، ئېغىزىڭنى ئوبدان كۆزىتىشىڭ لازىمدۇر. بىرى، تاماقنى كۆپ يېمە. كۆپ يېگەن ئادەمنىڭ تامىقى ھەزىم بولمايدۇ، ئاش ياخشى ھەزىم بولمىغان ئىكەن، ئۇ سېنى زەھەرلەيدۇ. بەدىنىڭنى ئاغرىق چىرمايدۇ، ئاشقازىنىڭ بۇزۇلىدۇ، ئىچىڭ
سۈرىدۇ، نەتىجىدە ئۆزۈڭ ئاجىزلايسىن. كېسەللىك ئاجىز بەدەنگە ئامراق بولىدۇ. شۇڭىمۇ كۆپ يېگەن ئادەم كېسەلچان بولىدۇ ھەم ئۆزۈن ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ چىرايى سېرىق، ياداڭغۇ ۋە خار كۆرۈنىدۇ. ئىبرەت بولسۇنكى، مۇۋاپىق، قەرەللىك تاماق يېيىشكە ئادەتلەن، ھەر قانداق ئىشنىڭ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى ئەمەسمۇ. يەنە بىرى، بەك ئاز تاماق يېيىشمۇ بەدىنىڭنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
ئۈچۈن بۇلارنىڭ بەدىنىدىكى تەڭپۇڭلۇقى ساقلىنىشى كېرەك. مۇبادا بۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن غالىب كەلسە ھاياتىڭىنى خەۋپكە ئېلىپ بارىدۇ. تەڭپۇڭلۇق ھاياتنىڭ كاپالىتى شۇڭا، مىزاجىڭغا بېقىپ ئوزۇقلىنىشقا ئادەتلەن. ئەگەر مىزاجىڭغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان تائام بولسا، ئۇ ھەر قانچە ئېسىل غىزا بولسىمۇ كۆز قىرىڭنى سالما، ئادەمنىڭ مىزاجى پەسىلگە، ياشقا قاراپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ، بۇنى بىلل. سوغۇقۇڭ ئاشسا، دەرھال ئىسسىقلىق بىلەن مەشغۇل بول، ئىسسىقلىڭ ئاشسا، سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرگە مايىل بول. ئەگەر ئۆزۈڭ ياش بولساڭ باھار پەسىللىرىدە سوغۇقلۇق قىلغىنىڭ تۈزۈك، سوغۇقلۇق قېنىڭنى سوقۇتىدۇ. يېشىڭ 40 تىن ئاشقاندا كۈز پەسىللىرىدە ئىسسىقلىق قىلىپ مىزاجىڭنى تەڭشىگىن. چۈنكى، كۈز پەسىللىرىدە 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ مىزاجى سوغۇققا مايىل بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈز پەسلى مېۋە - چىۋە ۋاقتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئىسسىق تۇتمىساڭ مىزاجىڭ بۇزۇلىدۇ. ئادەمنىڭ يېشى 60 تىن ھالقىغاندىن كېيىن قىش مەزگىللىرىدە ئۆزگە ئىسسىقلىقنى ھەمراھ قىلسۇن، سوغۇقلۇققا ھەرگىز يېقىن يولىمىسۇن. بۇ چاغدا ئادەم سوغۇق مىجەز بولۇپ قالىدۇ. سوغۇقلۇق ئىچىنى بوشىتىپ ئىشتىك كېسەل قىلىپ قويىدۇ. دېمەك، مىزاجىڭنى ئاشۇنداق تەڭشەپ تۇتۇشنى بىلسەڭ ھاياتىڭ تىنچ ئۆتىدۇ. مىزاجىنى تەڭشەپ تۇتۇشنى بىلىشمۇ ئەقىل ۋە بىلىمگە مۇناسىۋەتلىك. ئادەم ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمىسە، تويغىنىنىمۇ سەزمەي ئارتۇق يەۋالسا، بۇ نادانلىق سۈرىتى ۋە ھايۋانلىق سۈپىتى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئوغلۇم، سالامەت ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسەڭ «ئاز يە» ناملىق دورىنى يېگىن.
ئەي ئوغلۇم، ھاياتلىقىڭنىڭ كاپالىتى ۋە سالامەتلىكىڭنىڭ يەنە بىر ئوزۇقى پاكىزلىقتۇر. پاكلىق ۋە پاكىزلىق ئادەمدىن
نىجاسەتنى نېرى ھەيدەيدۇ، كۆڭۈلنى روشەن قىلىدۇ. مەينەتچىلىكتە جىسمىڭمۇ، روھىڭمۇ، ئەقلىڭمۇ بۇلغىنىدۇ. پاكىزلىق ۋە پاكلىق بار يەردە سالامەتلىك بار، بەخت بار. مەينەتچىلىكتە ئامەتمۇ قاچىدۇ، بەختمۇ سەندىن يىراقلىشىدۇ. تەن دېگەن پاك بولىدۇ، شۇڭا ئۇ پاكلىقنى، پاكىزلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. روھمۇ پاك ۋە بىغۇبار بولىدۇ، ئۇمۇ پاكىزلىق، ئازادلىكتە ئەركىن قانات قاقىدۇ. شۇڭا، ئوغلۇم تازىلىقنى، پاكىزلىقنى سۆيۈشنى ھاياتنى سۆيۈش، بەختنى سۆيۈش، گۈزەللىكنى سۆيۈش دەپ بىلگىن. كىشىلىك تۈرمۈشتىكى ھەر قانداق ئۇلۇغ مەدەنىيلىكمۇ ۋە گۈزەللىكمۇ پاكىزلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. تازىلىقنى سۆيمىگەن يەردە مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ، گۈزەللىكمۇ بولمايدۇ. ئەگەر سەن ھاياتىڭنى سۆيىدىغان بولساڭ، ھاياتىڭنى قەدىرلەيدىغان بولساڭ پاكىزلىقنى سۆيگىن، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرگىن. ئۆزۈڭنى پاكىز تۇت، ئۆيۈڭنى پاكىز تۇت، سىنىپىڭنى پاكىز تۇت، يېزاڭنى پاكىز تۇت، شەھىرىڭنى پاكىز تۇت. چۈنكى، شۇ زېمىندا، شۇ ماكاندا ئۆزۈڭ ياشايسەن. مەينەتچىلىكتىن ئۆزىنى ئېرىغىدىيالمىغان ئادەم بۇ دۇنيادا بەخت يۈزىنى كۆرمەيدۇ، پاكىزلىق شان - شەرىپىنى مەينەتچىلىك غۇبارى بىلەن بۇلغىغان خەلق روناق تاپالمايدۇ.
ئوغلۇم پاكىز بولۇش، تازىلىقنى سۆيۈش تەلىپىنى ئاكا - ئۇكىلىرىڭغىمۇ، ئاچا - سېڭىللىرىڭغىمۇ، دوستلىرىڭغىمۇ، ساۋاقداشلىرىڭغىمۇ ئۆگىتىپ قويۇشقا ھەقلىقسەن.
ئوگدۇلمىش كىشىلىك ھايات مىزانلىرىنى، قانداق ياشاش يوللىرىنى ناھايىتى تەپسىلىي ۋە كونكرېت چۈشەندۈردى. ئودغۇرمىش بۇ بايانلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنىلا ئۆزىنىڭ
خاھىشى بويىچە دۇنيانى ئەيىبلىگىلى تۇردى. ئىبادەتنى باھانە قىلىپ، بۇ دۇنيادىكى ھاياتنىڭ مەقسىتى يەپ - ئىچىشلا ئەمەس، قىسقا ئۆمرىدە مال - دۇنيا توپلاشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ دۇنيا خۇددى كۆلەڭگۈدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ بىر زىندان، زەھەرلىك چايانغا ئوخشايدۇ. يىلان - چايانلارغا يەم بولىدىغان بۇ بەدەننى سەمرىتىشكە ئەرزىمەيدۇ. ئادەمگە پەقەت قورساق تويغۇدەك يېمەك، ئۇچىسىغا سالغىدەك جەندە بولسىلا كۇپايە. چۈنكى، ئۆلگەندە ھەممە ئادەم ئوخشاش بولىدۇ. مەن بەندىنىڭ خىزمىتىنى قىلمايمەن دېگەن مەزمۇندا ناھايىتى نۇرغۇن گەپ - سۆزلەرنى قىلىپ، ئىلىگىنىڭ تەكلىپىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى. ئاخىرىدا:
— مېنىڭ ئەقىدەم ۋە چۈشەنچەم شۇ، مەندە بۇنىڭدىن باشقا سىلەرگە نەپ بەرگىدەك قابىلىيەت يوق. ئىلىگ مېنى تەڭرىگە تاپشۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارىغا قويسۇن. سەن يېنىمغا كېلىپ كۆپ جەبىر چەكتىڭ، مەن ئۈچۈن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما. قەلبىڭدىكى ئورنۇمدىن مېنى يىراق قىلمىغايسەن، — دېدى. — سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم. بۇنىڭغا مەندە نېمە ئامال. سۆزلىرىڭنى ئىلىگكە ئەينەن يەتكۈزىمەن، مېنى ۋە ئىلىگنى دۇئايىڭدا ئۇنتۇمىغايسەن، — دېدى ئۆگدۈلمىش ۋە خوشلىشىپ ئوردىغا قايتىپ كەتتى.
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ قانداق سۆز ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆگدۈلمىش ئوردىغا كىرىپ، كۈنتۇغدى ئىلىگكە ئەھۋالنى بىرمۇ بىر مەلۇم قىلدى.
— ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا بولمايدۇ، ئۇمۇ كۆڭلىدىكى راست
گېيىنى دەپتۇ، — دېدى ئىلگى، — بىز ھازىر ئۆزۈمىزگە ئۆزۈمىز زۇلۇم قىلىۋاتىمىز. ئۆزۈمىزنىمۇ رەنجىتتۇق، ئۇ زاتنىمۇ پاراكەندە قىلدۇق. ئۇ راستىنىلا سەگەك ئىكەن. قارىغاندا ئۇنى بۇ يەرگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغاندەك تۈرىدۇ.
ئىلگى بىر ئاز تىنىۋېلىپ، ئودغۇرمىشنى چاقىرىشتىكى مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:
— ئەي ئۆگدۈلمىش، ئۇ زاتنى چاقىرىشىمدىكى مۇددىئا، ئۇ كۆڭلۈمنى ئويغىتىپ، ئەلگە ياخشىلىق قىلىشىم ئۈچۈن سەۋەبچى بولارمىكىن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەمدى ئۇنى زورلاشقا بولمايدىغاندەك تۈرىدۇ. سەن ئىككى ئارىدا كۆپ جاپا چەكتىڭ، بىر مەزگىل بۇ ئىشنى قويۇپ تۇرايلى. بىر ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭدىن نەپ كۆرۈشكە كۆز يەتمىسە، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ قويۇش كېرەك. بۇ دۇنيانىڭ خۇي - پەيلى شۇ، قوغلىساڭ قاچىدۇ، قاچساڭ قوغلايدۇ. ئۇ زات ياخشىراق ئويلىنىپ بۇ تەرەپكە كېلىشنى ئىختىيار قىلىپ قالامدۇ تېخى.
ئىلگى سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىدىن چىقىپ كەتتى. شۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئىلگى ئىشلارنىڭ ئالدى - كەينىنى بىر ئاز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاللىسىدا باشقىچە بىر خىيال پەيدا بولدى ۋە دەرھال ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆز ھۇزۇرىغا كېلىشىگە ئەمر قىلدى.
24. كۈنتۈغدى ئىلىگنىڭ ئودغۇرمىشنى ئۈچىنچى قېتىم دەۋەت قىلغانلىقى
ئىلىگنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئۆگدۈلمىش ئوردىغا كىرىپ قوللۇق بىلەن قول باغلاپ تۇردى. — ئۆگدۈلمىش، سەن ماڭا يەنە بىر ئىش قىلىپ بەرگىن، — دېدى ئىلىگ، — قاياشىڭنى چاقىرتسام يېنىمغا كەلمىدى. مېنىڭ ئارزۇيۇم قانمىدى، ئەمدى باشقىچە يول بىلەن ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۈشنى ئىزدەپ قالدىم. ئۇ كېلىشنى خالىمىسا مەن ئۆزۈم بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلاي، ئەگەر كېلىشنى خالاپ قالسا ئۇنى تۇتۇپ قالماسلىققا ۋەدە بېرەي. ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ كۆڭلۈمدىكى چاڭ — توزانلار سۈزۈلسە، ماڭا پايدا كەلتۈرگەن بولىدۇ، بۇ ئىشتىن ئۇنىڭغىمۇ ھېچقانداق زىيان يوق. — ئەي دانا ئالىيلىرى، مانا بۇ سۆزۈڭ ئاقىلانىلىك بولدى، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — بولدى، بۇ ئىشقا مانا مەن تەييار. ئالىيلىرى، خالايدىغان بولساڭ بۇ ئىشنى ئۆزۈم بەجا كەلتۈرەي، مەن ئۇنى دەۋەت قىلىپ، قېشىڭغا باشلاپ كېلەي، بۇ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن. ئۆگدۈلمىش ئىلىگكە يۇقىرىقى ۋەدىلەرنى بېرىپ ئوردىدىن چىقتى.
ئودغۇرمىش تاغ غارىدا ئېتىكاپ ئۈستىدە ئىدى. ئىشىك چېكىلدى. ئودغۇرمىش قوپۇپ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئۆگدۈلمىشنى كۆرۈپ ئەجەبلەندى:
— ئەي قېرىندىشىم، سەن ئىشنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ، — دېدى ئۇ، — ئۆزۈڭنى نېمانچە زورمۇزور قىينايسەن، مەن بىلەن نېمانچە قارشىلىشىسەن. ئىچكىرى كېلىپ مەقسىتىڭنى ئېيتقىن. — ھەي قېرىندىشىم، بۇنداق قاپىقىڭنى تۈرمە، — دېدى ئۆگدۈلمىش ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن، — ئالدى بىلەن سۆزۈمنى ئاڭلا. بۇ نۆۋەت ئىلىگ مېنى باشقا بىر ئىش بىلەن ئەۋەتتى، ئەمدى مېنى ئۇياتقا قويمىغىن. ھەر قانداق ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ. ئاقىللار بۇ ھەقتە: ھېچ ئىشنى ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتمە، ئۆلچىمى بۇزۇلسا ئىشىڭ چېكىگە يەتمەيدۇ، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۆلچىمى، ئۇسۇلى، قائىدىسى بولىدۇ، ئىشلار ئوتتۇرا ھال بولغاندىلا ئېسەنلىك بولىدۇ، دېيىشكەنغۇ. ئىلىگ بۇرۇتقى تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىپ پەقەت سېنى زىيارەت ئۈچۈنلا تەكلىپ قىلدى. سەن بارامسەن، ئۇ كېلەمدۇ، قانداقلا بولسۇن، ئۇنىڭغا يار - يۆلەك بولغىن. ئىلىگمۇ ناھايىتى ياخشى سۇلتان، ئۇ يوقسۇل، كەمبەغەللەرگە بەك كۆيۈمچان.
— ھە، بۇ سۆز ئەقىلگە مۇۋاپىق، — دېدى ئودغۇرمىش ئىشنىڭ تەكتىنى بىلىپ، — قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى ئەلۋەتتە توغرا، بۇ سۆزۈڭگە تەن بېرىپ بوينۇمنى ئېگىمەن. بولدى ئۆزۈملا باراي، ئۇنى جاپا چەكتۈرمەي، ئۇ دېگەن ئەلنىڭ بېگى، خەلقنىڭ ئۇلۇغى، سەن قايتىپ بېرىپ مېنىڭ بارىدىغانلىقىمدىن ئۇنى ۋاقىپلاندۇرغىن. مەن قاراڭغۇ چۈشكەندە سېنىڭ ئۆيۈڭگە باراي. كۈندۈزى بارسام كىشىلەر كەينىمىگە كىرىۋالىدۇ، ھەر خىل گەپلەر - سۆزلەرنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ئوتقا ئاتىدۇ. قالغان گەپنى مەن بارغاندىن كېيىن دېيىشەرمىز.
— بۇ ئىنتايىن خەيرلىك ئىش بولدى، — دېدى ئۆگدۈلمىش خۇشال بولۇپ، — مەن بېرىپ ئىلىگنى خۇرسەن قىلاي. ئىككى قېرىنداش شۇنداق كېلىشتى. ئۆگدۈلمىش خۇشال ھالدا قايتىپ بېرىپ ئىلىگكە خەۋەر قىلدى.
— بۇ ئىشلىرىڭ بەك ياخشى بولدى، — دېدى ئىلىگ، — ئۇنىڭ ۋەدىسى سەن ئېيتقاندەك راست بولسا ئىدى ئىلاھىم. بۇ ئىش ئۈچۈن خېلى ئەجىر قىلدىڭ. تىلىكىم ئورۇندىلىدىغان بولدى. سەن بېرىپ، ئۇ كېلىشى ھامان ماڭا خەۋەر قىلغىن، مەن ئادەم ئەۋەتىمەن.
دېگەندەك، قاش قارايغاندا ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى، ئۇلار قىزغىن سالاملاشتى. ئۆگدۈلمىش زاھىتىنىڭ ئالدىغا ياخشى غىزالارنى كەلتۈرۈپ غىزالاندۇردى. ئىلىگكە خەۋەرچى ئەۋەتتى، ئىلىگ دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ئودغۇرمىشنى ئوردىغا تەكلىپ قىلدى.
25. كۈنتۈغدى ئىلىگىنىڭ ئودغۇرمىش بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئودغۇرمىشنىڭ ئىلىگە نەسىھەت قىلغانلىقى
كۈنتۈغدى ئىلىگىنىڭ ئەمرى بىلەن ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوردىغا كەلدى. ئىلىگ ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئىلىگ ئاۋۋال سالام قىلدى، ئودغۇرمىش سالامنى ئىلىگ ئالدى.
— ئەي قەدىرلىك زات، پىيادە بۇ يەرگە كېلىپ كۆپ جاپا چەكتىڭ، ھېرىپ چارچىدىڭ، — دەپ ئۆزرە ئېيتتى ئىلىگ. — ئالىيلىرى، سېنى كۆرۈش بىلەنلا تارتقان جاپايىم ئۈنتۈلۈپ، ھاردۇقۇم چىقتى. مەن ئالدىڭغا ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كەلدىم. ئادەم بىر ئىشقا ئۆز خاھىشى بىلەن قەدەم قويسا ھاردۇق ھېس قىلمايدۇ، — دېدى ئودغۇرمىش.
— ئۇنداق بولسا سەندىن بىر ئىشنى سوراي، — دېدى ئىلىگ، — ئۆز خاھىشىم بىلەن كەلدىم دەيسەن، نېمە ئۈچۈن مېنى كۆرۈپ سالام قىلمايسەن؟ بىلسەڭ، سالام قىلىشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن چوڭ، كىم ئالدى بىلەن سالام قىلسا، پەزىلەت يولىنى ئاچقان بولىدۇ.
— ئالىيلىرى، مەن بىلىپ تۇرۇپ ئاۋۋال سالام قىلمىدىم، — دېدى ئودغۇرمىش چۈشەندۈرۈپ، — توغرا، سالام دېگەن كىشى ئۈچۈن سالامەتلىك يولى، سالام قىلىشقاندا سالامەتلىكنىڭ ئۇلىنى سالغىلى بولىدۇ. سالام ھەم ئەمىنىلىك يولى، سالامدىن جان ئەمىن تاپىدۇ. چۈنكى، سالام قىلغۇچى سالامەت بولىدۇ. سالام كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ.
بۇنىڭمۇ يەنە قائىدىسى بار. ئۇلۇغلار ئالدى بىلەن كىچىكلەرگە سالام قىلسا ئىش يوللۇق بولىدۇ، كىچىكلەر ئۇلۇغلارنىڭ سۆزىنى تۇتىدۇ. شۇڭا، پۇقرالار خانغا ئاۋۋال سالام قىلمايدۇ. يەنە بىر سەۋەب، مەن يەنىلا ئەنسىرەپ تۇرغان ئىدىم، سېنى گېپىدىن يېنىۋالمىغىدى، دېگەن تەشۋىشىم بار ئىدى. سالىمىڭدىن كېيىن، سەندىن ياخشىلىققا ئېرىشىدىغانلىقىمغا تامامەن ئىشەندىم.
— بەگ ئۈچۈن دېگەن سۆزىدىن يېنىۋېلىش تولىمۇ يامان ئىش، — دېدى ئىلىگ، — بەگ سۆزىدىن يېنىۋالىدىغان بولسا ئۇلۇغلۇقىنى يوقىتىدۇ. كونىلار نەسىھەت قىلىپ: كىم سۆزىدىن يانسا، بەختمۇ ئۇنىڭدىن يانىدۇ، دېگەن. ئادەمنىڭ ئەڭ ئەسكىسى يالغانچىدۇر. ھەقىقىي ئەركەك سۆزىدىن يانمايدۇ، سۆزىدىن يانغان ئەر ئەركەك ئەمەس، ئۆزىمۇ ئەمەس.
— ئالىيلىرى، مەن پەزىلەتلىرىڭدىن خەۋەر تاپقان. شۇڭا، ھۇزۇرىڭغا سېنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ھەرگىز يامان يول تۇتما. بۈگۈن ياخشىلىق قىلىپ ئەلنىڭ يۈكىنى كۆتۈرسەڭ، تاڭنا بىر كۈنى ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئالىسەن، — دېدى ئودغۇرمىش. — ئەي بىلىملىك ئۇلۇغ زات، — دېدى ئىلىگ، — ياخشىلىققا قولۇمنى ئۇزىتىشىم ئۈچۈن مەندىن ياخشى نەسىھەتلىرىڭنى ئايمىغايسەن. پەزىلەت ساڭا مۇجەسسەم بولغان ئىكەن، سۆز — ھەرىكىتىڭمۇ نام — شەرىپىڭگە مۇناسىپ ئىكەن. ھېكمەت دۇرلىرىڭنى تۆكۈپ، قەلبىمنى ئويغاتقىن.
— ئەي ئەلنىڭ بېگى، ئادەمگە تاشقى سۈرىتىگە قاراپ باھا بەرمە. دۇكان كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغۇدەك بېزەلگەن بىلەن دۇكاندا سودىدىن ئەسەر، پايدىدىن خەۋەر يوق بولسا، قوغۇننىڭ سىرتقى يۈزى ھەر قانچە كۆركەم، پۇراقلىق، چىرايلىق بولغان بىلەن تەمى بولمىسا، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش كېرەك. شۇڭا، قەلبى ئويغانغان كىشىلەر: تېشىڭنى پەردازلاپ بويىغىچە، ئىچىڭنى بېزە، ھەممە ئۈستۈنلۈك ئىچكە مەنسۇپ. ئىچى قۇرۇق بولسا،
تاشقى بېزەكمۇ ئەھمىيەتسىز، دېيىشكەن. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئودغۇرمىشنىڭ پاراسەت بىلەن تولغان، ھەقىقەت تېمىپ تۇرغان سۆزلىرىدىن بەك سۆيۈندى ۋە: — ئاللا بارچە ياخشىلىقنى ساڭا ئاتا قىلىپتۇ. ئەمدى ساخاۋەتلىك سۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا تەربىيە قىلغىن. مېنىڭ نۇسرەت يولىنى ئېچىشمغا يار - يۆلەك بولغىن. ئودغۇرمىش ئەقىل - ئىدراك قۇشىنى دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە پەرۋاز قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سائادەت يولىنى مۇنداق قۇردى:
— ئەي ئەلنىڭ باشپاناھى، مېنىڭ پەند - نەسىھەتلىرىمنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمە؟ بۇ دۇنيا ۋە زامانداشلىرىڭنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى تەربىيە قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ بۇ كونا دۇنيا نى - نى بەگلەرنى قېرىتتى، ئۇنىڭ سېنى ھەم يەپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىساڭلا كۇپايە. ئۆتكەنكىلەر قايسى ئىشتىن شادلانغان بولسا شۇ ئىشنى قىل، قايسى ئىش ئۇلارنى پۇشايمانغا قويغان بولسا دەرھال ئۇ ئىشتىن يالتاي. ھەرگىز ئۆمرۈڭنى، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويما.
ئودغۇرمىش يەنە مۇنداق دېدى: — بەگلىكىم ئۇزۇن زامانلار داۋاملاشسۇن دېسەڭ، توغرا بول، ئادىل قانۇن يۈرگۈز. مەن بەگ دەپ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتما، بۇ ئوردا - سارايلار ساڭا تەئەللۇق ئەمەس، ئۇ ھامىنى سەندىن كېيىنكىلەرگە قالىدۇ. خەلق ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتىڭنى ئۇنتۇپ قالما. ئويغاق بول، ھاۋايى - ھەۋەسكە بېرىلمە. ئەلنى تۈزەيمەن دەيدىكەنسەن ئاۋۋال ئۆزۈڭنى تۈزە. نەرسە كىر بولسا سۇ بىلەن تازىلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر سۇ بۇلغانسا قانداق تازىلىغىلى بولىدۇ؟ ئودغۇرمىش يەنە مۇنداق دېدى: — ئىش قىلغاندا غەزەپلەنمە، ئالدىرىماي ئويلاپ قىل. ياخشى ئادەملەرنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، يامانلارنى يېقىن يولاتما. كۆپ
غەم - قايغۇ قىلما، ئۆلۈمنى ھەم ئۈنتۈما. سەن بىر تېۋىپقا ئوخشايسەن، خەلق ئارىسىدىكى كېسەللەرنى ئۈزۈل - كېسىل داۋالا. بىلىملىكلەر خارلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، بىلىمى ھاقارەتلەندى. ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى، ئەل ئىچىدە يارىماس، پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى، ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولدى. مەي بىلەن يۈزىنى يۈيىدىغان مەلئۇنلار باتۇر - مەرد ئاتىلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى، خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ جاپا غالىب كەلدى. قېرىنداشلار يېقىنلىقنى تاشلاشتى، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتتى. كىچىكلەردە ئەدەپ - ئەخلاق قالمىدى، قوپال - نادانلار كۆپىيىپ پەزىلەت ئىگىلىرى ئازايدى. ھەممە يېقىنلىق پۇل ئۈچۈنلا بولۇۋاتىدۇ ھەم ئادەملەر پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ كەتتى، كىمدە پۇل كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلغانلار قېنى؟ قانۇن - نىزام ئۆزگىرىپ، ئاق بىلەن قارا پەرقسىز بولۇپ كەتتى. بۇ ئېغىر كېسەلنى توغرا داۋالىمساڭ خەلقىڭنىڭ ئاپىتى بولسىمىز. بۇنىڭ سورىقىنى تارتماق تەس. بۇ جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياخشى جاۋاب تەييارلىغىن.
تەنبىھ: مەسئۇلىيەتچان بول
ئەي ئوغۇل، سەن مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنسەن، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنۇڭ، ھوقۇقۇڭ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنىڭ ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ بارلىقىنى ئۈنتۈپ قالما. جەمئىيەتنىڭ ياخشى بولۇشى سېنىڭ تۈرمۈشىڭغا، روھىي ھالىتىڭگە ۋە غايەڭگە تەسىر قىلىپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ ناچار بولۇشىمۇ كىشىلىك ئەخلاق نىزاملىرىنىڭ بۇزۇلۇشى، قانۇن - تۈزۈمنىڭ توغرا يولغا قويۇلماسلىقىمۇ
سېنىڭ ھەر بىر قەدىمىڭگە تەسىر قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولۇڭدىكى بىر توسۇق بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۆزۈڭگىلا مەسئۇل بولۇپ قالماي، جەمئىيەتكىمۇ مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇشۇڭ كېرەك. ئەتراپىڭدىكى كىشىلەر ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭ بولسۇن، دوست - بۇرادەرلىرىڭ بولسۇن، ساۋاقداشلىرىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەتلىرى بولسا ئۇلارنى قوللاش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش تەرەپتە بول. ئەگەر ئۇلاردىن ناچار ئىشلارنى، ئەخلاقسىزلىقلارنى، يامان ئادەتلەرنى بايقاپ قالغىدەك بولساڭ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇلارنى توس. ھەرگىز نەسىھەتكۈي بولۇۋېلىپ، ئۆزۈڭنى چەتتە قالدۇرۇپ قويما. ئۆزۈڭگە ھەقىقىي تەلەپچان بولالماساڭ، ئاندىن جەمئىيەتكە مەسئۇل بولالايسەن.
ئۆزۈڭدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا، قانۇن - تۈزۈمگە خىلاپ ئىشلار سادىر بولغان بولسا، باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بول، ھەرگىز «كارىڭ نېمە» دەپ ئىنكار پوزىتسىيە تۇتما. مۇبادا باشقىلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق، قانۇنسىزلىق ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىنى بايقىماساڭ ھەرگىز سۈكۈت قىلما، «كارىم نېمە» دەپ پەرۋاسىز قارىما. بۇ ئۇلارنى قوللىغانلىق بىلەن باراۋەر. بۇ دۇنيادا بىر كىم بىلەن بىر كىمنىڭ كارى بولمايدىغان بولسا، بۇ دۇنيا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن جەمئىيەت بولۇپ تۇرالمايتتى. بىرىنىڭ كاساپىتى مىڭغا، بىر سېسىق ئامۇت بىر سېۋەت ئامۇتنى سېستىپتۇ دېگەن گەپ بارغۇ. ئەگەر يامانلارغا يول قويۇلۇۋەرسە، جەمئىيەتنى يامانلىق قاپلاپ كېتىدۇ - دە، ياخشىلارغا كۈن بولمايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ جانىجان مەنپەئىتى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ ناچارلىقى ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلەنلا كەتمەيدۇ، بەلكى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھال، ھەر بىر ئادەمنىڭ
ياخشى - يامان ئىشلىرىغا باشقىلارنىڭ مەسئۇل بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
جەمئىيەت دېگەن بىر ئىجتىمائىي قورغان. ئائىلىدە ئائىلە تۈزۈمى، جەمئىيەتتە جەمئىيەت تۈزۈمى، مەكتەپتە مەكتەپ تۈزۈمى بولىدۇ. ھەر بىر قاتلامدا ياشاۋاتقانلار بىر - بىرىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئاتا - ئانا بالىلىرىغا، ساۋاقداشلار ساۋاقداشلىرىغا، دوستلار دوستلىرىغا دېگەندەك. شۇنىڭ بىلەن بىر زەنجىرسىمان ئىجتىمائىي قورغان بەرپا بولىدۇ. ئوغلۇم، بۇ مەسئۇلىيەتچانلىقتىن ھەرگىز ئۆزۈڭنى تارتما.
ئودغۇرمىش نەسىھەتنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى:
— ئەي ئىلىگ، بۇ دۇنياغا ياخشىلىق ئۇرۇقىنى چاچ. ئىنساننىڭ ئىزدەيدىغىنىمۇ ۋە ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىمۇ ياخشى نام. شۇڭا گەپنى ئازراق قىلىپ، ياخشى ئىشنى كۆپرەك قىل. تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا نەزەر سال، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. ئاچ كۆز كىشىلەرگە ھوقۇق بەرمە. بەگ دېگەن سائادەت دېمەكتۇر، ئۇ خەلققە سائادەت كەلتۈرۈشى كېرەك. بەگلەر ئالتۇن - كۈمۈش كانىدۇر، بۇ كاننى قازغانلار باي بولمىسا بولامدۇ؟
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: — ئەي ھۆكۈمدار، خەلقىڭگە قۇياشتەك يورۇق ۋە ئىللىق
بول. خەلقىڭ سېنىڭ سايەڭدە يېمەك - ئىچمەكتىن خاتىرجەم بولسۇن. خەلق ساڭا تاپشۇرۇلغان ئامانەت، بۇ ئامانەتنى ياخشى قوغداش سېنىڭ بۇرچۇڭ. ئاچ كۆزلۈك بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ مال - دۇنياسىنى يىغىۋالساڭمۇ، ئاخىرىدا قارا تۇپراق كۆز چاناقلىرىڭنى تولدۇرمىغىچە مال - دۇنياغا تويمايسەن.
ئودغۇرمىش ناھايىتى كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلىپ، «توغرا نەسىھەت كىشىلەرگە پايدىلىق، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلغايسەن» دەپ سۆزنى تۈگەتتى. ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە لىق ياش ئالدى ۋە ئودغۇرمىشتىن ئۆزىگە قۇتلۇق دۇئا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئودغۇرمىش قۇتلۇق دۇئالارنى قىلغاندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلدى ۋە ئاخىرىدا:
— تىلىم سۆزنى تۇتالماي كۆپ سۆزلەپ قويدۇم، سۆزۈم ئازلىمىدى، لېكىن قىممىتى كەملىدى بولغاي. سۆزنىڭ پايدىسى ئۇنى كۆپ دەۋېلىشتا ياكى ھەيرەتتە قېلىپ كۆپ ئاڭلاشتا ئەمەس، بەلكى ئاز بولسىمۇ قىممىتى بار سۆزنى سۆزلەشتە ۋە ئاڭلىغان سۆزنى كۆڭۈلدە تۇتۇپ، ئەمەل قىلىپ توغرا يولدا مېڭىشتا.
ئودغۇرمىش ئورنىدىن قوپۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى. كۈنتۇغدى ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «ئازراق ئولتۇرغىن، غىزا كەلتۈرسۇن» دېدى. مۇلازىملار ھەر تۈرلۈك غىزالارنى داستىخانغا تىزىشتى.
— ئەي ياخشى كىشى، يېمەكلىكلەردىن ئازراق تېتىپ باققىن، — دېدى ئىلىگ.
ئودغۇرمىش تائامغا قول سۇنۇپ ھەر خىل يېمەكلىكلەرگە ئازراق ئېغىز تەگكەن بولدى، كۆپ يېمىدى. ئاندىن تاماقتىن قولىنى تارتىپ ئاللانىڭ نامىنى ئاتاپ شۈكۈر قىلدى.
ئودغۇرمىش ئىلىگ بىلەن خوشلىشىپ ئوردىدىن چىقتى. ئىلىگ كەينىدىن چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى، ئىككى زات قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. ئۆگدۈلمىش ئۇنىڭ قولىنى سۆيۈپ خېلى يەرگىچە ئۇزىتىپ باردى.
ئىلىگ ئودغۇرمىش بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، غەمگە پاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ ئۆگدۈلمىشكە: — ئەمدى يېگەن ئېشىم زەھەر بولىدىغان بولدى. مېنىڭمۇ
بىر ئۇچام، بىرلا گېلىم بار. شۇنداق تۇرۇپ پۈتۈن خەلقنىڭ يۈكىنى يۈدۈۋالدىم. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئۆگدۈلمىش ئىلىگىنىڭ سۆزىدىن تېڭىرقاش ئالامەتلىرىنى ھېس قىلدى. ئۇنى بۇ خىل روھىي بېسىمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، پاراسەت دۇلدۇلىنى مىنىپ دۆلەت باشقۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە مۇنداق چاپتۇردى.
26. ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىلىگكە ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەنلىكى
ئۆگدۈلمىش ئالدى بىلەن ئىلىگنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە دۆلىتىنىڭ قۇدرەتلىكلىكى قاتارلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىلىگنىڭ كۆڭلىنى توختىتىشقا تىرىشتى.
— بۇ سۆزلەرنى ياخشى دېدىڭ، — دېدى كۈنتۈغدى ئىلىگ، — بۇ ئىشلارنى قىلىشتا ماڭا يار - يۆلەك بولغىن. ئىچكى - تاشقى ئىشلارنىڭ تەدبىرىنى ئوبدان تۈزەيلى، ئەلنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزايلى. نۇرغۇن ئىشلار تۇرۇپتۇ، ئىش ئۈستىگە ئىش توپلىنىپ يېتىشەلمەي قالدىم. بۇنداق تۇرسا قانداقمۇ كۆزۈم ئۇيقىغا بارسۇن؟
— ئالىيلىرى، ئىشلارنى ئۈنچە سوزغۇلۇق ئەمەس، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك، ئارقىغا سۈرگۈلۈك ئەمەس. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتە قىلىمەن دېمە. بۈگۈنكى ئىشىڭنى بۈگۈن قىلمىساڭ، ئەتىكى ئىشلىرىڭمۇ قوشۇلۇپ ئىش - ئۈستىگە ئىش توپلىنىپ قالىدۇ، نەتىجىدە ھېچ ئىش قىلىنمايدۇ.
تەنبىھ: بۈگۈنكى ئىشىڭنى ئەتىگە قويما
ئوغلۇم، ھاياتلىق دۇنياسى چەكسىز «بۈگۈن» ۋە «ئەتە» لەردىن تەشكىل تاپقان مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. زامان ۋە ماكاندىن مۇستەسنا ھېچقانداق شەيئى مەۋجۇت
ئەمەس. بىراق، زامان چەكسىز بولسىمۇ، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ چەكلىك. دۇنيادا ۋاقىتنى بويسۇندۇرالايدىغان ھېچقانداق قۇدرەت يوق. شۇڭا، كىشىلەر ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن رەھىمسىز ئىكەنلىكىدىن زارلىشىدۇ. ھەر قانداق مەۋجۇدات ۋە جانلىق ۋاقىتنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ھەر قانداق بىر مەۋجۇدات پەيدا بولۇشى بىلەنلا ۋاقىتنىڭ تۇتقىنى بولىدۇ. ۋاقىتنى مەۋجۇدىيەت ئالىمىدىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ۋاقىت ھەر قانداق قىممەتلىك نەرسىلەرنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ ۋە يوقىتىۋېتەلەيدۇ، شۇنداقلا تاڭ قالدۇرارلىق ئېسىل مۆجىزىلەرمۇ ۋاقىت ئىچىدە يارىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئىنساننىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىممەتلىك، ئىنسانغا ھاياتىنىمۇ قىممەتلىك نەرسە يوق. ئەپسۇس، بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بولغان ھاياتىمىزنى ۋاقىت يوقىتىۋېتەلەيدۇ.
ئۇنداق بولسا، بىز بۇ رەھىمسىز ۋاقىتقا قانداق تاقابىل تۇرالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىرلا ئامال بار، ئۇ بولسىمۇ بىزگە ئاتا قىلىنغان قىممەتلىك ئۆمرۈمىز ئىچىدىكى ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولغان ئالتۇندەك قىممەتلىك پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ۋاقىتنى كونترول قىلىش. تارىختا، بۇ ئىنسانىيەت ئالىمىدە قانچىلىك ئادەملەر ياشاپ، ئاخىرى توپىغا قوشۇلۇپ كەتكەندۇ؟! پەقەت بۇلارنىڭ ئىچىدىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۆمۈر گۈلشىنىدىن، ھايات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئەڭگۈشتەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇلار بۇنداق نەتىجىسى بىلەن بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن نىشان قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىش بىلەن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ كەتتى.
ئىنساننىڭ ئۆلۈشى مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت. بىراق، ئۆلۈممۇ
ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى، يۈز ياشقا كىرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۇغۇلۇپلا ئۆلگەن بولىدۇ. يەنە بىر خىلى، ئوتتۇز ياكى قىرىققا كىرگەن بولسىمۇ خىزىرنىڭ① يېشىنى ياشىغاندەك مەڭگۈلۈك ئۆمۈر كۆرىدۇ. قارا، ئۇلارنىڭ بىرى، بۇ دۇنيادا نام - نىشانسىز ياشاپ غايىب بولدى. يەنە بىرى، ھايات دەرىخىنى شۇنداق ياشناتتىكى، ئۇنىڭدىن خۇددى ئەپسانىلاردىكىدەك خاسىيەتلىك مېۋىلەرنى يادىكار قىلىپ كەتتى.
شۇنداق ئوغلۇم، ۋاقىت ئۆزى بەخت يارىتالمايدۇ، بەختنى يارىتىش پەقەت ۋاقىت ئېتىنى مىنگەن ئادەمنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ۋەھالەنكى، ۋاقىت ئادەمنى بىر دەقىقىمۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ تەرتىپلىك قانۇنىيىتى بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. «بۈگۈن» ھەرگىزمۇ تۈنۈگۈننىڭ تەكرارلىنىشى ئەمەس، شۇڭا ئەجدادلار ۋاقىتنى ئاتقان ئوققا، ئاققان سۇغا ئوخشاتقان. شۇنىڭدەك بالىلىق ياشلىققا، ياشلىق ھەرگىزمۇ قېرىلىققا ئوخشىمايدۇ. بالىلىق دەۋر ياشلىق ئۈچۈن، ياشلىق قېرىلىق ئۈچۈن، پۈتۈن ھاياتلىق كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.
ئەگەر ۋاقىت قانۇنىيىتىنى چۈشەنگەن بولساڭ، بۈگۈنۈڭنى قەدىرلە. كىمكى بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە، ئەتىكى ئىشنى ئۆگۈنگە سۈرسە، ئاخىرقى ھېسابتا ھېچقايسى كۈننىڭ ئىشىنى قىلىپ ئۈلگۈرەلمەي، نادامەت بىلەن ئۆمرىنى خازان قىلىدۇ. ئۆز ئىلكىڭدىكى ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلمىسەڭ، ئۆزۈڭنىمۇ قولدىن بېرىپ قويسەن، شۇنىڭ بىلەن ھاياتنىڭ خۇددى كىچىك بالىنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئوخشاش ئەرزىمەس بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، بۈگۈنكى ئىش
① خىزىر — رىۋايەتلەردىكى زولۇماتقا كىرىپ، ئابىھايات (ھاياتلىق سۈي) نى ئىچىش بىلەن مەڭگۈلۈك ئۆمۈرگە ئېرىشكەن پەيغەمبەر. ئېيتىلىشچە، ئۇ قىيامەتكىچە قېرىماي، ئۆلمەي ياپىش تۈرىدىكەن.
بىلەن ئەتىكى ئىشنىڭ باغلىنىشىنى شۇنداق قىياس قىلساڭ بولىدۇكى، بۈگۈنكى دەرسنى بۈگۈن ئۆگىنىپ بولۇشۇڭ، بۈگۈنكى تاپشۇرۇقنى بۈگۈن ئىشلەپ بولۇشۇڭ كېرەك. بۈگۈنكى تاپشۇرۇقۇڭنى ئەتىگە قويساڭ، ئەتە بولغاندا يەنە ئۇنىڭ ئەتىسىگە قويۇشۇڭغا توغرا كېلىدۇ. نەتىجىدە ھېچقايسى كۈننىڭ ئىشىنى قىلىپ بولالمايسەن.
ئوغلۇم، شۇڭا ۋاقىتنى پۇرسەت دەپ بىل، ۋاقىتنى قىممەت دەپ بىل، ۋاقىتنى غەنىمەت دەپ بىل. ئۇ سېنى ھەممە نەرسىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ ھەم ھەممە نەرسەڭدىن مەھرۇم قىلالايدۇ. ۋاقىت چەكسىز بولغىنى بىلەن «بۈگۈن» تولىمۇ چەكلىك، پۇرسەت ئەنە شۇ «بۈگۈن»نىڭ ئىچىدە بولىدۇ. پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى ھاياتىڭىدىكى ئەڭ چوڭ مەھرۇملۇق دەپ بىل. پۇرسەت كەتسە ھەر قانچە بېشىڭىنى تاشقا ئۇرۇپمۇ ئۇنى قايتۇرۇۋالالمايسەن.
ئۆگىدۈلمىش سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:
— ئاۋام خەلقنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىل، زۇلۇم قىلما، زۇلۇم ئەلگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئاۋام خەلق ئۈچ تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنى ئوبدان پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى بايلاردۇر. بايلار خەلقنىڭ كۈچلۈكى، ئۇلاردىن كېيىن ئوتتۇرا ھال كىشىلەر تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ھال كىشىلەر بايلار كۆتۈرگەن يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇلاردىن كېيىنكىسى كەمبەغەللەردۇر. ئەڭ ئاۋۋال بۇلارنى ئوبدان ئاسراش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بايلارنىڭ يۈكنى ئوتتۇرا ھاللارغا يۈكلىمە، ئەگەر ئۇلارغا ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتىپ قويساڭ
ھالىدىن كېتىپ پۈتۈنلەي خارابلىشىدۇ. كەمبەغەللەرگە ئوتتۇرا ھاللارنىڭ يۈكىنى ئارتما. ئۇنداق قىلساڭ كەمبەغەللەر ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ، يىلتىزى قۇرۇيدۇ. كەمبەغەللەرنى كۆپرەك يۆلىسەڭ ئوتتۇرا ھال بولۇۋالىدۇ، ئوتتۇرا ھاللارغا ئازراق تىنىۋېلىش پۇرسىتى بەرسەڭ ئۇلار بېيىۋالىدۇ. كەمبەغەللەر ئوتتۇرا ھاللانسا، ئوتتۇرا ھاللار بېيىسا ئېلىنىدە بايلار كۆپىيىدۇ، دۆلەتمۇ بېيىيدۇ.
ئۆگدۈلمىش يەنە مۇنداق دېدى:
— خەلقنىڭ ئۈستۈنگىدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىل. بىرى، ئېلىنىدە ئالتۇن - كۈمۈشنى ساپ قىل، ئارىلاشما پۇلنى بازارغا سالما. ھەر دائىم پۇلنىڭ راست - يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇر. ئىككىنچىسى، خەلقنىڭكە ئادىل قانۇن يۈرگۈز، بىرىنىڭ يەنە بىرىگە زۇلۇم قىلىشىنى ئەلدىن كۆتۈر. ئۈچىنچىسى، قاراقچى، بۇلاڭچىلارنى پاك - پاكىز تازىلاپ، يوللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىل، ئاندىن سەنمۇ خەلقتىن ئۆزۈڭنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ. سېنىڭمۇ خەلقتە مۇنداق ئۈچ ھەققىڭ بار. بىرى، يارلىقىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىجرا قىلسۇن. ئىككىنچىسى، خەزىنە ھەققىنى تۇتۇپ قالماي ۋاقتىدا تاپشۇرسۇن. ئۈچىنچىسى، سەن دوست بولغانغا دوست، سەن دۈشمەن بولغانغا دۈشمەن بولسۇن.
ئۆگدۈلمىش سۆزىنى تۈگىتىپ، ئىلىگكە ئۆزرىخاھلىق ئېيتتى. ئىلىگ سۆيۈنۈپ ئۆگدۈلمىش كۆرسەتكەن تەدبىر بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆگدۈلمىش خوشلىشىپ ئوردىدىن قايتىپ چىقتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، كۈتتۈغدى ئىلىگ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، زور مۇشەققەت چېكىپ ئېلىنى يەنىمۇ بىر بالداق گۈللىنىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىردى.
ئۆگدۈلمىش دۆلەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭ قەلبىنى بىر قايغۇ - ئەلەم زەنجىرى چىرمىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمىدى. ئۇ، ئۆز دەرد - ھەسرەتلىرىنى ئېيتىپ، قەلبىدىكى تۈگۈنى يېشىش ئۈچۈن ئودغۇرمىشنى زىيارەت قىلىش قارارىغا كەلدى.
27. ئۆگدۈلمىشنىڭ ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا بېرىپ كېڭەشكەنلىكى
ئۆگدۈلمىش بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىغا، زايە بولغان نەۋقىران چاغلىرىغا ئۆكۈنۈپ ئازابلىق خىيال دەرياسىغا چۆمگەن ئىدى: «ھاياتىمنى غەپلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋەتتىم، ھاياتىمنىڭ كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان، جۇشقۇن چاغلىرىنى يوقىتىپ ھاسىغا تايىنىدىغان ھالەتكە يەتتىم. ئىست! كۈنلىرىم بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى. ئۆمرۈممۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، كۈنلىرىم قاراڭغۇلۇققا پاتتى. مەن نازۇنېمەتلەرنى كالىدەك يەپ، ھايۋاندەك ياشاپتىمەن. بىخۇتلۇق بىلەن ئويناپ - كۈلۈپ كۈنلىرىمنى زايە قىلىپتىمەن. مانا ئەمدى يىگىتلىكىمنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ئۈزۈلگەندە، كۆيۈپ، ئۆرتىنىپ ياشلىقىمغا ئېچىنماقتىمەن. ئۆمرۈممۇ تۈگەپ، ئۆلۈممۇ يېقىنلاپ قالدى. ئۇنىڭغا چارەم يوق، قۇتۇلۇش يولۇممۇ يوق. چاچلىرىم شۇڭقار پەيلىرىدەك كۈل رەڭ تۈسكە كىردى. ساقاللىرىم كۈزدە خازان بولغان گۈل بەرگىلىرىگە ئايلاندى. ئاق ئۈنچىدەك ئوتتۇز ئىككى چىشىمنىڭ يىپى ئۈزۈلۈپ، بىر - بىرلەپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. كۆزۈم بىر كۈنلۈك يەرنى كۆرەلەيتتى، مانا ئەمدى خىرەلىشىپ ئالدىمدا تۇرغان كىشىنىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. قۇلاق سالسام خېلى يىراق جايلاردىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايتتىم، ئەمدى گەپنى قول ئىشارىسى بىلەن ئاڭلايدىغان بولدۇم.»
ئۆگدۈلمىش شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ توۋا قىلماق بولدى، بىراق يەنىلا ئىشنى مەسلىھەت بىلەن قىلماقنى ئويلاپ، بۇ ئىش توغرىسىدا ئودغۇرمىشتىن مەسلىھەت ئالماقچى بولدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئىلىگىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ قېرىندىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلىش ھەققىدە ئىجازەت ئالدى.
ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى ئودغۇرمىشنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشتى ۋە دەرۋازىنى چەكتى. ئودغۇرمىش ئىبادىتىنى توختىتىپ چىقىپ ئىشىكىنى ئاچتى. ئۇلار سالاملاشقاندىن كېيىن قول تۇتۇشۇپ ئىچكىرى كىرىشتى. ئودغۇرمىش ئالدى بىلەن سۆز ئاچتى:
— بىز كۆرۈشكەنگە تېخى بىر ئايمۇ بولمىدى، يەنە نېمىشقا كەلدىڭ؟ ھالىڭ قانداق، مەڭزىڭ سېرىق، روھىڭ چۈشكۈنرەك تۇرىدۇ. ساڭا نېمە قايغۇ كەلدى؟
— ھەي قاياشىم، زامان ئوقى دىلىمنى يارا قىلدى، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — ئۆزۈم غەپلەتتە، قەلبىم ئۇيقۇدا ئىدى، زاماننىڭ ئىبرىتى قەلبىمنى ئويغاتتى. كۆڭۈل كۆزى بىلەن ئۆزۈمگە قاراپ يولدىن ئازغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئۆمۈر بويى باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەتنى تاشلاپتىمەن. مەن ئەمدى ئاخىرەتلىكىمنىڭ تەييارلىقىنى قىلاي دەپ سەندىن مەسلىھەت ئالغىلى كەلدىم.
— كېلىشتىكى مۇددىئايىڭىنى تولۇق چۈشەندىم، — دېدى ئودغۇرمىش، — بۇ ياخشى نىيىتىڭ ئۈچۈن خۇدا دىلىڭىنى يورۇتسۇن. لېكىن، بۇ ھەقتىكى بىلىم بىر تۈرلۈكلا ئەمەس. ئۇنىڭ ھەم ھەر خىل پۇتىقى بار، ئۇنىمۇ بىلىش كېرەك. سېنىڭ شەھەردە ئەلنىڭ ئىشى بىلەن بولغىنىڭ ياخشى، سېنىڭ ئىبادەتتە بولۇشۇممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن ياخشى. سەندىن ھازىر ئەلگە كۆپ پايدا تېگىدۇ، ئۇلارنى بۇ پايدىدىن مەھرۇم قىلساڭ ئەيىبلەش ۋە قارغىشقا نىشان بولسىمەن. ئېلىڭ ئەمىنلىك تېپىپ، خەلق
خاتىرجەملىككە ئېرىشكەندىلا ۋەتەن خەلقى سەندىن سۆيۈنىدۇ. نىيەت توغرىلا بولىدىغان بولسا، يەنىلا ساۋابقا ئىگە بولۇۋېرىسەن. ھازىر ئىشلار ياخشى تەرتىپكە چۈشتى، ئەلمۇ سەندىن رازى، ئىلىگمۇ مەمنۇن، ئەگەر سەن بۇ ساخاۋەتلىك ئىشنى تاشلايدىكەنسەن، تەرتىپكە سېلىنغان قائىدە - قانۇنلارنىڭ ئورنىغا دەرماندىن كەتكەن، بۇزۇلغان ئەل تېگىشىلىدۇ. سېنىڭ ئورنۇڭغا ئەسكىدىن بىرى كېلىپ ئولتۇرىدۇ، ئىلىگنىمۇ يامان يولغا باشلايدۇ. ئەلدە يامانلارنىڭ ئىشلىرى ئىز باسىدۇ. سەن بۇنىڭ سورىغىنى بېرەلەمسەن؟ سەن ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى تاشلاپ ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ نېمە پايدىغا ئېرىشەرسەن؟
ئودغۇرمىش بۇ ھەقتە نۇرغۇن قائىدىلەرنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تائەتكە باغلىنىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:
— داداڭ سەن كىچىك چاغدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئىلىگ سېنى تەربىيىلەپ ئۆستۈردى، ئەل ئىچىدە قولۇڭنى ئۆزۈن قىلدى. ئەمدى ئىلىگكە قايتۇرىدىغان ئادىمىگەرچىلىك ھەققىڭ شۇمۇ؟ ئىلىگكە تازا ئەسقاتىدىغان ۋاقتىڭدا ئۇنى تاشلاپ كەتسەڭ، ئاللا راۋا كۆرەمدۇ؟ ئادىمىگەرچىلىككە ئادىمىگەرچىلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرالايدىغان كىشى ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
بۇ دانا مەسلىھەتلەرنى ئاڭلاپ ئۆگدۈلمىشنىڭ دىلى يورۇپ كەتتى:
— بۇ سۆزلەر ماڭا ئانچە روشەن ئەمەس ئىدى، ئەمدى كۆڭلۈمدىكى پەردىنى كۆتۈرۈۋەتتىڭ، — دېدى ئۇ ھاياجاندا. ئۆگدۈلمىش سۆزىنى تۈگىتىپ قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۈردى. ئۇ ئودغۇرمىش بىلەن خوشلىشىپ ئېتىغا مىنىپ كۆڭلى روشەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
تەنبىھ: مەسلىھەت — ھەر ئىشنىڭ داۋاسى
ئوغلۇم، ئادەم ئۆزىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىگەنگە ئوخشاش، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ توغرا پەرق ئېتىشى ناتاپىن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سەن بىرەر چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلىشتىن بۇرۇن چوڭلارغا، ئاتا - ئانىلارغا مەسلىھەت سېلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىڭنىڭ جەريانىنى، مەقسىتىڭنى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىڭنى چۈشەندۈرۈپ، قىلىۋاتقان ئىشىڭنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇلاردىن مەسلىھەت ئال ۋە ئۆزۈڭدە ئېنىق قاراش تۇرغۇزۇۋال. يەنە بىرى، چوڭلارنىڭ كۆرگىنى كۆپ، تەجرىبە - ساۋىقى مول، ئىشنىڭ ئالدى - كەينىنى ئوبدان ئويلىمالايدۇ، ئەقلى سەندىن يۇقىرى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى ئارقىلىق يېڭى ئەقىل تاپالايسەن. بۇ ئىشىڭدىن ھەرگىز زىيان تارتمايسەن. ئۇلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتىدە ساڭا پايدىلىق تەرەپلەر بولسا قوبۇل قىلىسەن، ئەگەر پايدىلىق ئەمەس دەپ قارىساڭ قوبۇل قىلمىساڭمۇ بولۇۋېرىدۇ. مەسلىھەت دېگەن ئادەمنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، ئىشقا يۈرەكلىك قول سالالايسەن. شۇڭا ئاقىللار: «مەسلىھەت — ھەر ئىشنىڭ داۋاسى» دېگەن. «كېڭەشلىك ئىش ئۇزار، كېڭەشسىز ئىش بۇزىلار» دېگەن گەپمۇ بارغۇ.
كېڭەشمەكچى بولساڭ ئەقىللىق، بىلىملىك، تەجرىبىلىك كىشىلەر بىلەن كېڭەش. ھەرگىزمۇ نادان ئادەملەردىن مەسلىھەت سورىما. كېڭەشكىمۇ ئىشەن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈڭنىڭ بىلىمىڭ، ئىقتىدارىڭ ۋە شۇ ئىشنى قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشىشكە بولغان ئىشەنچىڭگە بەكرەك ئىشەن. ئەقلىڭگە ئىشەنسەڭ بولىدۇ، ئەمما كۆڭۈلگە ئانچە ئىشىنىپ كەتكۈلۈك ئەمەس. چوقۇنۇش توغرا كەلسە رېئاللىققا، ئەمەلىيەتكە چوقۇنساڭ بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۆزۈڭنىڭ مۇستەقىل پىكرىڭ، ئۆزۈڭگە خاس تۇرمۇش قارىشىڭ بولسۇن، ھەرگىزمۇ مەنىۋى جەھەتتە باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ
قالما. پەقەت پۈتى ناكار ئادەملەرلا قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ ماڭىدۇ. ئىككى پۈتۈك مەزمۇت بولسا، مۇستەقىل يول يۈرەلەيدىغانلىقىغا ئوخشاش، مەنىۋى دۇنيايىك ساپ ۋە بېجىرىم بولسا باشقىلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنماي، مۇستەقىل ئاڭ بىلەن ياشىيالايدىغان ھالەتكە يېتىسەن.
ئوغلۇم، بىزدە «كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمە، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ، سەمەرقەنت ئالمىسىدەك ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ» دېگەن گەپ بارغۇ. كۆڭۈل سۆيگەن نەرسىنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭا، كېڭەشمەكچى بولساڭ، بىرى، ئەقلىڭ بىلەن كېڭەش. يەنە بىرى، ئاقىللار بىلەن كېڭەش. توغرا كېڭەشنى ھەرگىز قايرىۋەتمە، بولمىسا تاپا – تەنە ۋە پۇشايمانغا قالىسەن.
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ قېشىدىن قايتىپ كېلىپ ئەتىسى ئىلىگە كۆرۈنۈش قىلدى. ئىلىگ ئۆگدۈلمىش بىلەن سالاملىشىپ بولۇپ ئودغۇرمىشنى سورىدى:
— ئۇ كامىل ئىنسان ئامان – ئېسەنمىكەن؟ ئۇ نېمىلەرنى دېدى، مېنى دۇئادا ئەسلەپ تۇرۇپتىمۇ؟
— ئالىيلىرى، ئۇ قاياشىم ئۇ يەردە ھەر دائىم بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كۆيۈمچان ئىنسان نەدە بار، ئۆزىنىڭ غېمىنى قويۇپ، بىزنىڭ غېمىمىزدە كۆيۈپ پىشىۋاتقان، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
— ئەي ئاقىل، سېنىڭ ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسى سىرتتا، مەن ئوردىدا ئولتۇرۇپ، كۆپ ئىشلاردىن ۋاقىپ بولالايمەن، سەن ماڭا كۆز – قۇلاق بولۇپ جەمئىيەتنى كۆزەتكىن. قانداق نالايىق ئىشلار بولسا ماڭا خەۋەر قىل، تەدبىرىنى قىلاي، — دېدى
ئىلىگ.
— ئالىيلىرى، جېنىم ساڭا تەسەددۇق بولسۇن، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — بىراق سەندىن ئۆتۈنىدىغان بىر ئىش بار. سەن مېنى قانچىلىك ئۆزۈڭگە يېقىن تۇتساڭ، چېقىمچى، پىتنىخورلار يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىلەن تۆھمەت قىلىپ ئالدىڭغا كىرسە، تەرىڭنى تۇرمەي قالمايسەن. ئالىپ ئەرتۇڭا①: «چېقىمچىلىقنى ھەر قانچە ياقتۇرمايدىغان ياخشى ئەرمۇ چېقىمچى ئارىغا قىستۇرۇلسا دەرھال ئۆزگىرىدۇ. كۆڭۈل دېگەن يامان سۆزدىن سوۋۇسا، ياخشى سۆزدىن ئىسسىيدۇ» دېگەن. شۇڭا، ئەنسىرەيمەنكى، ئادەم سۈرەتلىك ئىتلار، چېقىمچىلار چىشلەپ تارتسا يەنىلا كۆڭلۈك ئېغىپ، تەرىڭنى تۇرۇپ ماڭا سوغۇق باقساڭ، قىلغان ئەجرىم بىكار بولارمۇ؟ مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈم، كىم مېنى ساڭا چېقىپ كىرسە، ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە ئېيتساڭ، تېگى - تەكتىنى ئوبدان سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەڭ.
— خاتىرجەم بول، مەن ساڭا تولۇق ئىشىنىمەن. سېنى ماڭا چېقىپ كىرگۈچىلەر مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن. ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرەلمىسەم قانداقمۇ ئەلنىڭ ئۈلۈغى بولالايمەن؟! سەن ئاللىبۇرۇن مېنىڭ سىنىقىمدىن ئۆتكەن، تىرىشىپ خاتىرجەم ئىشلەۋەرگىن. سىرتنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزۈڭ مەسئۇل بول، — دەپ ئۆگدۈلمىشنىڭ كۆڭلىنى توختاتتى ئىلىگ.
تەنبىھ: چېقىمچى بولما، چېقىمچىغا ئالدانما
ئوغلۇم، چېقىمچى دېگەن بىر كۆيدۈرگۈ، باشقىلارغا قەستەن
① ئالىپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ) — تارىخىي رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، قەدىمكى تۇران پادىشاھى بولۇپ، ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پىشدادىيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى قەرىدۇن، زال قاتارلىقلار بىلەن بىر قانچە قىتىم چوڭ جەڭلەرنى قىلغان ۋە بىر مەزگىل ئىرانغىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ئۆز نەسەبلىرىنى ئۇنىڭغا باغلايدۇ.
زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن قويۇلغان قاپقان. ھەزر قىلكى، بۇ قاپقانغا چۈشۈپ قالمىغايسەن. چېقىمچىلىق بىرى تەمەخورلۇقتىن، يەنە بىرى كۆرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما چېقىمچىلىق ساڭا ھېچقانداق پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ئالدى بىلەن چېقىمچىلىق بىلەن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولساڭ، ئازراق ئىنسانىي تەبىئىتىڭ بولسا ۋىجدان ئازابىغا قالمىسەن، ئۆزۈڭگە دۈشمەننى كۆپەيتىۋالمىسەن، ئىشەنچسىز بولۇپ قالمىسەن.
باشقىلار ساڭا بىرەرسىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ چاققان بولسا، سەنمۇ ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ، چاققۇچى يىلان تەبىئەتلىك ئۇ كىشىنىڭ مۇددىئاسىنى، مەقسىتىنى توغرا ئىگىلە، ئۇنداق ئادەمنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلما. ئۇنىڭ توغرىدىن - توغرا زىيانداش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭ، دەرھال ئۇنداق ئادەمدىن كۆڭلۈڭنى ئۈز، باشقىلارنى ساڭا چاققان ئادەم، سېنى ھەم باشقىلارغا چاقالايدىغانلىقىنى ئويلا.
شۇنىڭدىن تارتىپ ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ ئادالەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈپ، ئەلگە كۆيۈنۈپ ئىشلىشى بىلەن دۆلەت گۈللەپ ياشنىدى. ياخشى قانۇن نېمىدېگەن ئوبدان، ئادىل ۋە خەلقپەرۋەر باشلامچىغا ئېرىشكەن خەلق نېمىدېگەن بەختلىك! شۇنىڭدىن كېيىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى.
28. ئودغۇرمىشنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۆگدۈلمىشنى چاقىرىتقانلىقى
بىر كۈنى ئۆگدۈلمىش يېتىشقا تەرەددۇت قىلىپ تۇرۇۋېدى، ئىشىك ئالدىدا بىرەيلەننىڭ ئۆزىنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۆگدۈلمىش مۇلازىمدىن بىرىنى «قاراپ باق» دەپ چىقاردى. مۇلازىم قايتىپ كىرىپ:
— ئىشىك ئالدىدا بىر يۈچۈن كىشى تۇرىدۇ، جانابلىرى بىلەن كۆرۈشەتتىم دەپ ئىجازەت سوراۋاتىدۇ، مېنى ئودغۇرمىش ئەۋەتتى دەيدۇ، — دېدى.
ئۆگدۈلمىش دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، خەۋەرچىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇنى ئىچكىرى كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ ئەھۋال سورىدى. — ئالىيلىرى، قېرىندىشىڭ ئودغۇرمىش كېلىپ ماڭا بىر يولۇقسۇن، دىدارلىشىۋالاي دەپ مېنى ئەۋەتتى، ئەھۋالى ئېغىرراق، — دېدى ھېلىقى كىشى.
ئۆگدۈلمىش جىددىيلىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ھەسرىتى ئۇلغايدى، ھەدەپ قوللىرىنى ئىشقىلايتتى. تېخى خېلى كېچە ئىدى. ئۇ بېشىنى ياستۇققا قويدى. لېكىن، ئۇيقۇسى كەلمىدى. ناھايىتى تەستە تاڭ ئاتقۇزۇپ، نامازنى ئوقۇۋېلىپ دەرھال ئودغۇرمىشنىڭ يېنىغا ئاتلاندى.
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭ جۇۋىسىنى تۆشەك، يېڭىنى تەكىيە قىلىپ، پۇت - قوللىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتقانلىقىنى كۆردى.
— ئەي قېرىندىشىم ساڭا نېمە ئىش بولدى، يۈرىكىم ئېچىشىۋاتىدۇ، — دەپ ئودغۇرمىشنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى. — يولۇم كۆرۈنۈپ قالدى، ئۆلۈم تۇتقاقلىقى تۇتتى،
دىدارىڭنى كۆرۈۋالاي دەپ چاقىرىتىم، — دېدى ئودغۇرمىش كۆزگە ياش ئېلىپ.
— ئەي جېنىم، قاياشىم بولمىغۇر گەپلەرنى قىلما، يامان خىياللارنى كۆڭلۈڭگە كەلتۈرمە. ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن كېسەلدىن خالىي بولالمايدۇ، كېسەللىك گۇناھقا كاپالەت بولىدۇ، ساقىيىپ كېتىسەن، — دەپ تەسەللى بەردى ئۆگدۈلمىش. — ئۆلۈمىم چۈشۈمدە زاھىر بولدى، — دەپ جاۋاب بەردى ئودغۇرمىش.
— ياق، ئۇخلىغان ئادەم چۈش كۆرىدۇ، چۈش دېگەن تەبىرگە باقىدۇ. كېسەللىك تارتقان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا تىرىك ئادەم قالمىغان بولاتتى. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ كۆڭلىنى تىنچىتىشقا تىرىشىپ، چۈش ئىلمى توغرىسىدا ناھايىتى ئەتراپلىق ئىلمىي پىكىرلەرنى قىلدى:
— چۈشنى خالىغانچە ئۆرۈيدىغان نەرسە ئەمەس، چۈشنىڭ مەنىسى تەبىرگە باقىدۇ، تەبىرنى بىلمىگەندە ئۇنىڭ مەنىسى يوقىلىدۇ. چۈشنى يامانغا تارتىپ ئۆرۈسە زىيان كەلتۈرىدۇ. ئۆگدۈلمىش يەنە مۇنداق دېدى:
— قارايدىغان بولساق، كېچىدە كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى بىلەن كۈندۈز كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا — باشقا بولىدۇ. بەزى چۈشلەر غىزاغا مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يېگەن غىزايىڭ تەبىئىتىڭگە مۇناسىپ كەلمىگەن ياكى كۆڭلۈڭ خالىماي زورلىنىپ قالغان بولساڭ چۈشۈڭمۇ خۇنۇك بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تېنىڭنىڭ غەۋغاسى. شۇڭا، كۆڭلۈڭ تارتمىسا زورلاپ ئوزۇقلانما. كۆڭلۈڭگە شەك چۈشسە قولۇڭنى تارت. مىزاجىڭغا ياقمىغان تائامدىن قول ئۆز. تېنىڭنى ئارامىدا قويساڭ، ئۆزۈڭ پاراكەندە بولمايسەن، چۈشۈڭمۇ ساغلام، كۆڭۈللۈك بولىدۇ. يەنە بىرى، چۈشلەر ھايات مەۋسۇمىڭغا، تەبىئىتىڭگە ۋە تېنىڭنىڭ قۇدرىتىگە
باغلىق بولىدۇ. پەسلىنىڭ ئۆزگىرىشى تېنىڭ، مىجەزىڭ ۋە روھىي ھالىتىڭدە ئۆزگىرىش قوزغايدۇ. مەسىلەن، ئۆزۈڭ ياشتا كىچىك بولۇپ، چۈشۈڭدە ھەممە نەرسە قىزىل ياكى قوڭۇر كۆرۈنسە، قېنىڭ كۆپۈپ، ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال قېنىڭنى ئالدۇرۇپ تەڭشەت، شۇندىلا جىددىيلىك ۋە قىزىقلىقتىن ئازاد بولالايسەن. ئەگەر ياز پەسلى بولۇپ، يېشىڭ يىگىتلىك قۇرامىدا بولسا، چۈشۈڭدە سېرىقلىق، ھال رەڭ ياكى كۈكۈم - تالقان قىلىنغان نەرسىلەرنى كۆرگەن بولساڭ، سەپرايىڭ ئاشقان بولىدۇ. دەرھال سۈرگە بىلەن ياتتاق شېكىرىنى دورا قىل. ئۇ مىزاجىڭنى تەڭشەيدۇ، سەپرادىن قۇتۇلىسەن. كۈز پەسلى بولۇپ، ئوتتۇرا ياشتا بولساڭ، چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭ چوڭقۇر ھاڭلار، تاغۇدەشت، قۇدۇق ياكى قارا نەرسىلەر بولسا، شۇنى بىلگىنكى، چارچىغانلىقىڭ، نېرۋاڭنىڭ چېچىلغانلىقى ۋە ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. نېرۋا تىنچلاندۇرىدىغان دورىلارنى يەپ ئۆزۈڭنى تىنچلاندۇر، ئۆزۈڭنى خاتىرجەم، بەھۇزۇر تۇت، كۆڭلۈڭ ئازادە بولسۇن. ئادەم قېرىلىققا يەتكەندە قىش پەسلى بولسا، چۈشىدە ئېقىن سۇ، مۇز، قار، مۆلدۈر قاتارلىقلارنى چۈشىسە سوغۇقى ئېشىپ بەلغىمى كۆپەيگەن بولىدۇ. ئادەم قېرىغاندا مىزاجى سوغۇققا مايىل بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە ئىسسىقلىقنى ھەمراھ قىلسۇن. بەزى چۈشلەر باركى، نېمە ئويلاپ ياتساڭ شۇنى چۈشەيسەن. بەزى ئادەملەر ئۆزىنىڭ كەسپىنى چۈشەيدۇ. «توخۇ داڭگال چۈشەيتۇ، ئۆچكە جاڭگال» دېگەندەك، بايلارنىڭ چۈشى بۆلەك، كەمبەغەللەرنىڭ چۈشى بۆلەك بولىدۇ. شۇڭا بەزى چۈشلەرنىڭ تەبىرى بولمايدۇ. قايغۇ - يىغا چۈشىسە خۇشاللىق؛ خۇشاللىق، كۈلكە چۈشىسە قايغۇ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا چۈش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە ۋە تۇرمۇشىغا باغلىق بولىدۇ. ئادەم قانداق بولسا چۈشى شۇنداق بولىدۇ.
ئۆگدۈلمىش چۈش توغرىسىدا يۇقىرىقى چۈشەنچىلىرىنى دەپ بولۇپ، ئودغۇرمىشنى چۈشىنى ئېيتىپ بېقىشقا ئۈندىدى.
ئودغۇرمىش چۈشىنى مۇنداق سۈرەتلەپ بەردى: — چۈشۈمدە ئەللىك ۋاخىنىلىق بىر شوتا كۆردۈم. شوتا كەڭ
ھەم ئېگىز بولۇپ، ئالدىمغا ياتتۇ تىكلەپ قويۇلغانمىش. مەن ۋاخىنىلارنى بىر - بىرلەپ دەسسەپ ئەڭ يۇقىرى بالداققا چىقىپ ۋاخىنىنى سانىغۇدەكمەن. شوتىنىڭ يۇقىرى بېشىدا بىر قاسساپ ماڭا بىر كوزا سۇ بەرگەنمىش. مەن سۇنى ئېلىپ تۈگىگىچە ئىچىپ راسا قېنىپتىمەن. بارا - بارا تېخىمۇ يۇقىرى ئۇچۇپ كۆككە سىڭىپ كەتكىدەكمەن.
ئۆگدۈلمىش بۇ چۈشكە مۇنداق تەبىر بەردى: — چۈشۈڭ شۇنداق پايدىلىق، ياخشى چۈش ئىكەن. ھەر
قانداق چۈشتە يۇقىرى ئۆرلەش، كۆككە ئۈچۈش قەدىر - قىممەتنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنىڭ نىشانى. تەبىرچىلەر شۇنداق دېگەنكى: چۈشتىكى شوتا ئەزىزلىكنىڭ بېشارىتى، بالداقمۇ بالداق كۆتۈرۈلۈش قەدىرلىك بولۇشنىڭ ئالامىتىدۇر. سېنىڭ كوزىدىكى سۇنى ئېلىپ ئىچكىنىڭ ھاياتلىق يىلتىزىڭنىڭ ئۇزۇن زامان قۇرۇمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇچۇپ كۆككە ئۆرلەپ سىڭىپ كەتكىنىڭ، نېمە تىلسىڭ ئاللا تىلىكىڭنى بېرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
— ئەي قېرىندىشىم، چۈشۈمنىڭ تەبىرى بۇنداق ئەمەس، —
دېدى ئودغۇرمىش ئۆز چۈشىگە ئۆزى تەبىر بېرىپ، — ئەگەر بۇ چۈشنى سەن كۆرگەن بولساڭ تەبىرى سەن ئېيتقاندەك ئېزگۈ بولاتتى، چۈنكى سېنىڭ مەشغۇللۇقۇڭ دۇنيا ئۈچۈندۇر. مەن بولسام دۇنيانى تەرك ئېتىپ تاغقا چىققان ئادەممەن، شۇڭا سېنىڭ تەبىرىڭ ماڭا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ئېگىز ۋاخىنىلىق شوتا تىرىكلىكىمنىڭ ئالامىتى، شوتىنىڭ ئەڭ بېشىغا قەدەر چىققانلىقىم يېشىمنى ياشاپ بولغانلىقىم، رىزقىمنى يەپ بولغانلىقىمنىڭ
بېشارىتى. شوتىنىڭ بېشىغا چىققاندا قاسساپ بەرگەن سۇنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىچىۋەتكەنلىكىم ھاياتلىقىمنى پۈتۈنلەي ياشاپ بولغانلىقىمنىڭ بەلگىسى. بىلسەڭ قاسساپ دېگەن ئاتىلىقلارنى ئاتىسىز قىلغۇچى، جانلىقلارنى تىرىك قويمىغۇچى ئەمەسمۇ؟! سەن كوزىدىكى سۇنى پۈتۈنلەي ئىچىپ تۈگەتكەنلىكىمنى ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشى دەپ تەبىر بەردىڭ. راست، سۇ دېگەن ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى. بىراق، كوزىدىكى سۇنىڭ بىر قىسمىنى ئىچىپ يەنە بىر قىسمى قالغان بولسا، ئاندىن سەن دېگەندەك بولاتتى. ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ سىڭىپ كەتكەنلىكىم سۈزۈك جاننىڭ بەدەن قورغىنىدىن چىقىپ ئەسلى ماكانىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى. چۈشۈمنىڭ بۇنىڭدىن باشقا مەنىسى يوق. سەن ماڭا تەسەللى بېرىۋاتىسەن، لېكىن ئۆلۈم كەلگەندە ئۇنى كىممۇ توسۇپ قالالىغان!
ئودغۇرمىش ئۆز چۈشىگە تەبىر بېرىپ بولغاندىن كېيىن قېرىندىشى ئۆگدۈلمىشكە ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلدى. ئۇنى ھاياتىنى قەدىرلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا، توغرا، دۇرۇس ياشاشقا، ئۆزىنى، ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، دۇنياغا ھېرىس بولماسلىققا، ئۆزىنى بۇلغىماسلىققا ئۈندىدى.
ئودغۇرمىش يەنە: — خەلقىڭگە ئېغىرىڭنى كۆتۈرتمە، خەلقىڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈر. خەلقىڭگە مېھرىبان بول، قۇرۇق ئارزۇ - ھەۋەسنى قوغلاشما. بەخت - دۆلەت سېنى مەست قىلىپ قويمىسۇن. خەلقىڭگە ھەرگىز كىبىرلىك بوينۇڭنى سوزما، ئۆلۈمنى ئۇنتۇما. ئودغۇرمىش يۇقىرىقى مەزمۇندا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلدى. ئاخىرىدا: — ئەي، مېھرىبان قېرىندىشىم، ساڭا لازىملىق سۆزلەرنى تۈگەل قىلدىم. ئەمدى ھەسرەتتە سەن بىلەن خوشلىشىدىغان
بولدۇم. مېنىڭ زارىم ئۈچۈن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، روھىڭنى چۈشۈرمە، ئۆزۈڭنى ئازابقا سالما، كۆڭۈل توختىتىپ ئەلنىڭ خىزمىتىنى قىل. ئىلىگە مېنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ قوي، — دەپ كۆزلىرىدىن بۇلاقتەك ياشلارنى تۆكتى.
— مەن سېنى مۇنداق يالغۇز تاشلاپ قويۇپ قانداق كېتەلەيمەن، — دېدى ئۆگدۈلمىش قايتىپ كېتىشكە كۆڭلى قىيماي.
— مەندىن ئەنسىرىمە، قايتىپ كېتىۋەرگىن، — دەپ ئۆگدۈلمىشنى كېتىشكە ئۈندىدى ئودغۇرمىش، — سالامەت بول، كۆزۈڭدىن ھەرگىز ياش تۆكمە.
ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۈردى، ئوغدۇرمىشنى قۇچاقلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ۋە ئىلاجسىز خوشلاشتى.
ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى قايغۇ — ئەلەم تورى چىرمىۋالغان ئىدى.
ئىنسان دېگەن نېمانچە ئاجىز ۋە بىچارە — ھە! خۇشاللىقى ئاز، پۈتۈن ھاياتى قايغۇ — ئەلەم بىلەن ئۆتىدىكەن، تىلەككە يەتسە شادلىنىپ كۈلىدۇ، ئەلەم تارتسا ھەسرەتتىن يىغلاپ ئۆتىدۇ. ۋىسالغا يەتسە سۆيۈنۈپ كۈلىدۇ، جۇدالىق يەتسە قايغۇدا ئۆرتىنىدۇ. ھەر قانداق جۇدالىقتىنمۇ، پىراقتىنمۇ ئۆلۈم جۇدالىقى ئېغىر بولىدۇ.
ئۆگدۈلمىش بىر ئاز ئارام ئېلىپ ياتتى. بىراق، ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلمىدى. ئۇ نەچچە قوپۇپ، نەچچە يېتىپ ئۇزۇن كېچىنى ئاران تاڭ ئاتقۇزدى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىلىگىنىڭ ھۇزۇرىغا باردى. ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ سولغۇن ھالىنى كۆرۈپ ئەھۋالنى سورىدى. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ ھازىرقى ھالىنى،
ئۇنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئىلگى ئەھۋالنى ئۇقۇپ كۆزىگە ياش ئالدى ۋە:
— ئەجەب ياخشى زات ئىدى، تەڭرى ئۇنىڭ جېنىنى ئامان قىلسۇن، — دېدى ئىلگى ئودغۇرمىشنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرىپىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۆگدۈلمىشكە تەسەللى بەردى.
ئىلگىنىڭ تەسەللىسى ئۆگدۈلمىش ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولدى، بىراق يەنىلا خاتىرجەم بولالماي بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدى. بىر كۈنى ئۆگدۈلمىش ئىلگىدىن ئىجازەت سوراپ، ئودغۇرمىشنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن تاغقا باردى.
29. ئودغۇرمىشنىڭ ۋاپاتى
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنى يوقلاش ئۈچۈن تاغقا كېلىپ ئىشىكنى چەكتى. ئىشىكنى ئودغۇرمىشنىڭ مۇرىتى قۇمارۇ دېگەن كىشى چىقىپ ئاچتى ۋە كۆزلىرى ياشلىق ھالدا ئۆگدۈلمىشكە سالام قىلدى. ئۇ ئۆگدۈلمىشكە:
— ئەي قاياش، سەۋر قىلغىن، كۆڭلۈڭنى بۇزما، قېرىندىشىڭ بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، كۆپ پەرياد چەكمە، — دېدى.
ئۆگدۈلمىش بۇ كۆڭۈلسىز خەۋەرنى ئاڭلاپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. قېرىندىشى ئۆلگەندە بېشىدا بولالمىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابلاندى. قۇمارۇ كۆپ تەسەللىلەردىن كېيىن ئۆگدۈلمىشنى ئودغۇرمىشنىڭ قەۋرىسى بېشىغا باشلاپ كەلدى. ئۆگدۈلمىش توپا دۆۋىلەنگەن ئاددىي قەبرىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆكۈپ يىغلىدى، ئاخىرىدا ئۇ دۇئا قىلىپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.
قۇمارۇ ئۇنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى ۋە:
— ئەي مېھرىبان كىشى، قېرىندىشىڭ سېنىڭ مۇنداق ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ يىغلىشىڭنى خالىمايدۇ. چۈشكۈن ھالغا چۈشۈپ قالساڭ، قېرىندىشىڭنىڭ روھىنى ئازابلاپ قويسەن، يۈر، مەن بىلەن ماڭ، قېرىندىشىڭنىڭ ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئال، — دېدى.
قۇمارۇ ئۆگدۈلمىشنى غارغا باشلاپ بېرىپ ئودغۇرمىش ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن ھاسا بىلەن ئىۋرىقنى ئۇنىڭغا بەردى:
— بۇ قېرىندىشىڭدىن ساڭا قالغان تەۋەررۈك، — دېدى قۇمارۇ، — بۇ سەن ئۈچۈن ئىبرەت بولسۇن. ئۇنىڭ بار - يوق
بىساتى مۇشۇلا، شۇنىمۇ بۇ دۇنياغا قويۇپ كەتتى. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ تەۋەررۈكىنى ئېلىپ كۆزلىرىگە سۈرتتى، ھەسرەت چېكىپ يىغلىدى، كۆزلىرى ياشلىق ھالدا قايتىپ كەلدى.
ئۆگدۈلمىش قايتىپ كېلىپ ئودغۇرمىشقا ماتەم تۇتۇپ، بىر قانچە كۈن ئوردىغا چىقمىدى. ئىشىكنى تاقاپ، سىرتقىمۇ چىقماي ئېتىكاپتا ئولتۇردى.
كۈتتۈغدى ئىلىگ بۇ شۇم خەۋەردىن ۋاقىپ بولۇپ، سارايدىن چىقىپ ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆيىگە كەلدى ۋە چىن دىلىدىن ئودغۇرمىشقا تەزىيە بىلدۈردى.
— ئەي ئۆگدۈلمىش، ئەقلىڭنى ئىشلەت، — دېدى ئۇ، — ئىشىكنىڭنى تاقاپ يولۇڭنى ئىتىپسەن، بۇنداق قىلىش ساڭا ياراشمايدۇ. قېرىندىشىڭنىڭ ئۆلۈمى ساڭا ئىبرەت بولسۇن. سەن ئۇنىڭغا دۇئا بىلەن ياردەم قىلساڭ، قېرىنداشلىق ھەققىڭنى ئۆتىگەن بولسەن.
كۈتتۈغدى ئىلىگ ئودغۇرمىشقا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۆگدۈلمىشكە سەمىمىي تەسەللى بەردى. ئاخىرىدا ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى — كەينىدىكى ئىشلارنى سورىدى.
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا قۇمارۇدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ئودغۇرمىشتىن قالغان ھاسا بىلەن ئىۋرىقنى ئېلىپ كېلىپ:
— قېرىندىشىمدىن قالغان مىراس مۇشۇ ئىكەن. بۇنىڭدىن بىرنى ئەستىلىك ئۈچۈن سەن ئالغىن، بۈگۈن قۇت ئاتقاي، تاڭنا ئەسقاتقاي، — دېدى.
— بۇ تەۋەررۈك ماڭا قۇت ئاتسۇن، — دېدى ئىلىگ قولىنى
ئۆزىنىپ ۋە ئۆگدۈلمىشكە نۇرغۇن ياخشى روھىي مەدەنلەرنى بېرىپ قايتىپ كەتتى.
ئۆگدۈلمىش نەچچە كۈنلۈك قايغۇلۇق ماتەم كۈنلىرىنى ھەسرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى ئاستا - ئاستا قايغۇ - ئەلەم تۇمانلىرىنى تارقاتتى. ئەل باشلىرىدىن بىرى شۇنداق دېگەن: قايغۇ - ئەلەم سېنى قانچىلىك ئەسىر قىلسۇن، كۆزۈك قانچىلىك يىغلىسۇن، بەربىر يەنە كۈلىدىغان ۋاقىتمۇ بولىدۇ. بۇ جاھاننىڭ ئەزەلدىن قانۇنى شۇنداق.
مانا شۇنداق قىلىپ ئۆگدۈلمىش ماتەم تۈنلىرىنى تۈگىتىپ خىزمەت كۈنلىرىنى باشلىۋەتتى.
تەنبىھ: ئۆزۈڭنى قايغۇ - ھەسرەت بىلەن چىرمىۋالما
ئەي ئوغلۇم، بۇ دۇنيادا قايغۇ بىلەن خۇشاللىق قوشكېزەك. ھاياتلىقتا شادلىقمۇ بولىدۇ، قايغۇ - ئەلەممۇ ساڭا خىرىس قىلىدۇ. ئەمما، شادلانغان چاغلىرىڭدا ھەددىڭدىن ئېشىپ، شىلتىڭ ئاتما، قايغۇ - ئەلەم تۇمانلىرى ۋۇجۇدۇڭنى ئەسىر قىلغاندا ئۈمىد، ئىشەنچ رىشتىسىنى ئۈزمە. شادلىقنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىمۇ، قايغۇ - ئەلەم تۇمانلىرىنىڭ تارقىماسلىقىمۇ مۇمكىن ئەمەس. سەندە ھەر ئىككى ئېھتىماللىق ئۈچۈن روھىي تەييارلىق بولسۇن. ئازغىنا ئازابقا ۋە زەربىگە يولۇقۇپلا ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويما. بۇنداق قىلىش ئازاب ئۈستىگە ئازاب، زەربە ئۈستىگە زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇش، پۇشايمان قىلىش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. كەتكەن ئىشنى باشنى تاشقا ئۇرساڭمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسەن. قەددىڭنى كۆتۈرۈپ، شىجائەت بىلەن كىشىلىك ھاياتقا قەدەم قوي. سەن ئۈچۈن بىر يول توسۇلغان بولسا يەنە بىر يولنى ئىزدە، ھايات دېگەندە يول كۆپ. تۈرمۈشتا ئۈچ ئىشقا ئەھمىيەت بىلەن قارا. بىرى،
قانائەتچان بول. ئىككىنچى، ئىنتىلىشچان بول. ئۈچىنچى، تىرىشچان بول. مانا بۇ ئۈچى سېنىڭ قايغۇڭنى قىسقارتىپ، يولۇڭنى كېڭەيتىدۇ.
بىر كۈنى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن خەلقنىڭ ئەھۋالىنى، ئەل - يۈرت كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى سورىدى.
— ئەي ئىلىگ، خەلقنىڭ ھال - كۈنى سېنىڭ ھەققىڭگە دۇئا قىلغۇدەك ياخشى. قانۇن توغرا، ئادىل يۈرگۈزۈلۈپ، ئەل خاتىرجەملىككە ئېرىشتى، زوراۋانلار ئەدەپ يەپ ياۋاشلاشتى. بايلار كۆپىيىپ نامراتلار ئازايدى. مەنمۇ كۆڭلۈمنى توختاتتىم. پۈتۈن ئەقىل - ئىدرىكىم ۋە ۋۇجۇدۇم بىلەن ئەلنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا بەل باغلىدىم، — دېدى ئۆگدۈلمىش جاۋاب بېرىپ.
كۈنلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆتمەكتە. ئىككى زات ئۆزئارا سىردىشىپ ھاكىمىيەت مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھايات توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆتۈشمەكتە ئىدى. بۈگۈنمۇ بۇ ئىككى زاتنىڭ كۆڭۈللىرى ئازادە ھالدا سەمىمىي سىرداشماقتا.
— ئەي ئۆگدۈلمىش، ئەقىل ئىنسان پائالىيىتىنىڭ يول باشچىسى، ياخشى - يامانلىقنىڭ تارازىسى ئىكەن، ئۇنداقتا ئەقىلنىڭ كۈشەندىسى نېمە؟ — دەپ سورىدى ئىلىگ.
— ئەقىل ۋۇجۇدنىڭ قوماندانى ئالىيلىرى، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — ئۇنىڭ ئەڭ ئەشەددىي كۈشەندىسى تىل، بوغۇز، كۆز ۋە ھەۋەستۇر. شۇڭا، ئادەم نەپسىگە ھاكىم بولسا،
قۇرۇق گەپ قىلىشتىن ساقلانسا، يارىماس ئىشلاردىن پەرىز تۇتسا، ھاۋايى - ھەۋەسكە يول بەرمىسە، شۇ كىشىنى ئەقىللىق، بىلىملىك، تەمكىن كىشى دېسە بولىدۇ.
— ۋۇجۇدنى بەك سۆكىسەن، ئۇنىڭ يامانلىقى نەدە؟ — دەپ سورىدى ئىلىگ.
— ئىنسان بالىسى بۇ ئالەمگە تۆرەلگەندىن بېرى ۋۇجۇد ئېزىتقۇ، ئەقىل تىزگىن بولۇپ كەلدى. ئادەم نەپس بالاسىدىن جەننەت مېۋىسىنى يەپ قويۇپ ئەقىلگە خىيانەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋۇجۇد ئەقىل بىلەن قارشىلاشتى. ئەقىل تىزگىنى بوشاپ كەتسىلا، نەپس بالاسى ئادەمنى ھەر كويغا سالىدۇ. ئۇنىڭ ھاسىلى جاپا مېۋىسىدۇر. مۇنۇ ئۈچ مەخلۇقنى سەمرىتىش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىرى، قورسىقى توق، ئېتى سېمىز ئىت ئوۋ قوغلىمايدۇ. ئىككىنچى، داندىن قىسىلمىسا ئوۋ قۇشىمۇ ئوۋ تۇتمايدۇ. ئۈچىنچى، نەپسنىڭ كەينىگە كىرىپ ۋۇجۇدنى سەمرىتىش ئادەمنى بۇغرا تۆگىدەك قۇترىتىدۇ، ياخشىلىقنى تاشلاپ، يامانلىققا ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئادەمنىڭ رايىمغا باقماس بولىدۇ. نەپسنىڭكە بېرىلىپ، ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىدىغان بولساڭ ئۇ بۇغرا تۆگىدەك قۇتراپ، ياخشىلىقنى تاشلاپ يامانلىققا ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئىت ئوۋغا يۈگۈرمىسىغۇ بىر سۆسەرگە زىيان بولا، قۇشۇڭ ئوۋلىمىسا قولدىن كېتىدىغىنى بىر ئۆردەكلا. بىراق، نەپسنىڭ قۇترىسا سېنى ئوتقا ئىتتىرىپ ئازابتا ئىترىتىدۇ.
— ئۆگدۈلمىش، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر يۈك نېمە، بۇ يۈكنى قانداق كۆتۈرمەك كېرەك؟ — دەپ سورىدى ئىلىگ.
— دۇنيادا ئەڭ ئېغىر يۈك ئۈچ، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — بىرى، يوقسۇللۇق؛ ئىككىنچىسى، بىكارچىلىق؛ ئۈچىنچىسى، يالغۇزلۇق. بۇنى ھەرگىز ئەستىن چىقارغۇلۇق ئەمەس، بىخەستەلىك قىلىپ يۈكنى ئېغىرلىتىۋالماسلىق كېرەك. ھاياتتىكى يۈكنى كۆتۈرمەك بەك
مۇشكۇل. موھتاجلىق دېگەن تاشتىن قاتتىق نەرسە، موھتاج ئادەم ئۈچۈن بۇ دۇنيا قاراڭغۇ دوزاخقا ئوخشايدۇ. موھتاج بولغىنىڭدا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭمۇ تونۇمايدۇ. موھتاجلىق بىرى، سېنىڭ ھۇرۇنلۇقىڭدىن، ئەمگەكنى سۆيمىگەنلىكىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، ئىسراپخورلۇقىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك يە، دېگەن گەپ شۇنىڭغا ئاساسەن ئېيتىلغان. موھتاج بولماسلىقنىڭ يەنە بىر ئاساسى ھۈنەردۇر. قولۇڭدا ھۈنەر بولسا خارلىق كەمىرى بوينۇڭغا سېلىنمايدۇ. ھۈنەرلىك ئادەم ھېچ يەردە خار بولغان ئەمەس. پۇل - مېلىڭ بولسا يولىدا سەرپ قىل، پۇل - مالنى ساقلاش توپلاشتىن مۇشكۇل. خىراجىتىڭ كىرىمىڭدىن كۆپ بولۇپ كەتسە ھەر قانچە كۆپ دۇنيامۇ يەتمەيدۇ. ئىسراپخورلۇق بىلەن دوستقا موھتاج بولغاندىن كۆرە، تېجەشلىك بىلەن دۈشمىنىڭگە قالدۇرغىنىڭ ياخشىراق. ھەر قانچە موھتاج بولساڭمۇ زارلانما، دۈشمىنىڭنىڭ ئالدىغا قول سۇنۇپ بارما. يالغۇزلۇقنىڭ ئېغىر يۈكىگە باسۇرۇلۇپ قالماي دېسەڭ، بىرى، خەسىس بولما، كىشىلىك تۇرمۇشقا پىخسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساڭ يالغۇز قالىسەن. يەنە بىرى، مەنمەنچى، تەكەببۇر بولما. ئۈچىنچى، خەلقىڭگە ئاسىيلىق قىلىپ، خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالما. ھەر قانداق چوڭ مەھرۇملۇقمۇ خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالغاندىن ئېغىر بولمايدۇ. خەلقتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ئەۋزەل. ھەر قاچان خەلق تەرەپتە تۇرغايسەن.
دۇنيادىكى بولمىغۇر، ئىپلاس ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكارچىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئادەم ھاياتتا مەلۇم بىر ئىشقا باغلىنىپ ئۆتمىسە بۇ دۇنيا تولىمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. بىرەر ئىش قىلمايمۇ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. بىكارچى ئادەم ھەممە كىشىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدۇ. ئۇنداق ئادەم زېمىنغىمۇ ئېغىر يۈك.
ئۆگدۈلمىش جاۋابىنى تۈگەتتى. ئاخىرىدا:
— ئالىيلىرى، ئۇزۇن ياشا، بۇ ئالەم سېنىڭسىز قۇرۇق قالمىسۇن، ئۇرۇق - ئەۋلادمۇ مەڭگۈ ئۈزۈلمىسۇن. راھەت - پاراغەت ئىچىدە خۇشال - خۇرام ياشاش ساڭا نېسىپ بولسۇن. سېنى ھەقىقىي سۆيىدىغان دوستلىرىڭ كۆپەيسۇن، دۈشمەنلىرىڭ قان يۇتسۇن، سەلتەنەت زېمىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيسۇن، — دەپ ياخشى تىلەك تىلىدى. ئۆگدۈلمىش ئىلىككە باش قويۇپ خوشلاشقاندىن كېيىن ئوردىدىن چىقتى. ئۇ ئۆيىگە قاراپ ئات سالدى.
يەنە تاڭ ئاتتى، ئۆگدۈلمىش يەنە ئەل ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇ شۇنداق دۇرۇس ئىشلەيتتىكى، خەلق ئۇنى ھىمايە قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇلۇغ زاتلار دۆلەتكە ئاشۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتۈشتى، ياخشى نام - شۆھرىتى بۇ دۇنيادا ئەبەدىيلىككە قالدى. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ نامى ۋە تەڭىداشسىز ئىززەت - ھۆرمىتى مەڭگۈ ئۆچمىگەي.
تەنبىھ: ياشلىق باھارىڭنى بىھۇدە خازان قىلما
ئەي ئوغۇل، ياشلىقىڭنى، قىرانلىقىڭنى قەدىرلە. يىگىتلىك ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل مەۋسۇمى، ئۇ كىشى ھاياتىنىڭ شېرىن چېغى، شېرىن جاننىڭ لەززەتلىك بېغى. ھاياتىڭنىڭ مۇقەددەس گۈل - غۇنچىسى ياشلىق باھاردا ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچىدۇ. بۇ قىممەتلىك گۈلنى ئۆمرۈڭدە بىرەر قېتىممۇ ئېچىلدۇرالماي قۇرۇتۇۋەتسەڭ بەك ئېچىنىشلىق بولمامدۇ؟! ئەزىز نەرسىنى خار قىلىش ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز - ئۆزىنى زار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەي ئوغۇل، باشقىلارنىڭ ساۋىقىدىن ئىبرەت ئېلىش ھاياتتا نۇسرەت تېپىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولىدۇ. مېنىڭ ئۆكۈنۈش - زارىمنى ئاڭلا، بۇنى ئۆزۈڭگە ئىبرەت ئەينىكى قىلغىن:
ئەي ياشلىق، ئېھ ھايات، سېنى ئۆتكۈنچى بۈلۈتتەك، ئۇچقۇر بوراندەك تۈگەتتىم. ئىست، يىگىتلىك چاغلىرىم. سېنى ئەجەب تېز قاچۇرۇپ قويدۇما، يەنە بىر قېتىم مۇيەسسەر بولسام ئىدىم، كۆزقارىچۇقۇمدەك ئاسرىغان بولاتتىم. ئەپسۇس، بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ قۇرۇق ھەسرەتتىن باشقىغا ئېرىشەلمىدىم. جاھاندىن شۇنچە قېزىپ ئىزدەپ باقساممۇ مەنسىزلىك بىلەن قالدۇرغان يامان داغلاردىن باشقا ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدىم. ھاياتنىڭ سۆيۈنچىسى جان بولسا، ئۇنىڭ لەززىتى ياشلىق مەزگىلىدە ئىكەن، ئەجەبمۇ بىلمەپتىمەن. بالىلىرىم، مەن قېرىلىپ قىلىدىن ئۆكۈنمەيمەن. چۈنكى، بۇ قانۇنىيەتتىن ھېچكىمنىڭ قېچىش يولى يوق. ھاياتىم مەنىلىك ئۆتكەن بولسا قېرىلىپ قىلىدۇ ئەيىب يوق ئىدى. پەقەت ئۆمرۈمنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە ئېچىنىمەن. مانا مەن يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىمنى يوقاتتىم، بېلىم يادەك ئېگىلدى. ياشلىقىمدا يېمەك - ئىچمەك قوغلىشىپ، قاپ - تاغاردا بىرنى يەپتىمەن. ھەۋەس كەينىگە كىرىپ كۆپلىگەن چاڭ - توزانلارنى توزۇتۇپتىمەن. نۇرغۇن ئادەملەرنى تىللاپتىمەن، رەنجىتىپتىمەن، قول ھەم تىلىمنى سوزۇپ گۇناھسىزلارنىڭمۇ كۆڭلىنى چىگىپتىمەن. ئۆزۈمنى ياۋنى يەڭگەن شىردەك چاغلاپ خەلققە گىدىيىپتىمەن. باشقىلارغا زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىپ بىرىگە ئازار بەرسەم، يەنە بىرىنى قاقشىتىپتىمەن. مانا ئەمدى دەرماندىن كەتكەندە مەستلىكتىن ئويغانغان ئادەمدەك ئىزىمغا قارىسام خەلقئالەم ئالدىدا يۈزۈمنى كۆتۈرۈشكە ماجالىم يوق. ئۆزۈمدىن تولىمۇ ئۇياتتىم، قېنى ياشلىق؟ قېنى ھاياتلىق؟ بۇ ھاياتتا نېمىگە ئېرىشتىم؟ نەۋقىران چاغلىرىمنى نېمىگە تېگىشتىم؟ ئەلنىڭ لەنەت - نەپرىتىدىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدىم. ئۆلۈم ئەلچىسى ئىشىكىمنى قاققىلى تۇرغاندا قىلغان - ئەتكەن يامانلىق داغلىرىمنى ياخشىلىق سۈيى بىلەن يۇياي دېسەم، نەدە دەرمان بولسۇن! ئەمدى مېنىڭ ئېرىشىدىغىنىم بىر پارچە بۆزلا
بولىدىكەن. كېرەكسىز تېنىمنى قۇرق - قوڭغۇزلارغا يەم قىلىش بىر ئۆمۈر قۇتراپ يۈرگىنىمنىڭ نەتىجىسى ئوخشايدۇ. ئوغلۇم، يۇقىرىقى ھەسرەت - نادامەت ئۆمۈرنى كەيپ - ساپا، ئويۇن - تاماشىغىلا سەرپ قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتنى لاي سۇدەك ئۆتكۈزۈۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بىر تەقدىر. شۇڭا، دۇنيادا ئادەمنىڭ توغۇلمىقى بىلەن ئۆلمىكى مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت، شۇڭا ئۆلۈم ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەس، ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى قىممەتلىك ھاياتتا ئېرىشىش مۇمكىن بولغان قىممەتنىڭ، يېتىش مۇمكىن بولغان ئارزۇ - ئارماننىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە دەپنە بولۇپ كېتىشىدۇر. ئادەم قېرىغاندا جان قايغۇسىدىن باشقا نەرسىگە كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇ چاغدا بارماق چىشلىگەندىن نېمە پايدا؟! غايە قولغا كەلمەيدىغان سايە ئەمەس، ئۇنى ئىرادىلىك ئادەملەرلا تىرىشچانلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئادەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشلار يولىدا كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ھاياتىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇشى كېرەك. بالىلىرىم، سىلەر ھايات گۈلزارىڭلار ئۈششۈك تەگكەن شاختەك خازان بولۇشتىن بۇرۇن، ئەجرىڭلاردىن ئېرىشكەن شانۇ شەۋكىتىڭلار بىلەن ئەبەدىيلىك تەختىدىن ئورۇن ئېلىشقا ئالدىراڭلار. بۇ مەڭگۈلۈك تەختنىڭ مۇقەددەس جايى خەلق قەلبى، خەلق مەڭگۈ ئۆلمەستۇر. ئۇلارنىڭ قەلب خاتىرىسىگە نەقىشلەنگەن خاتىرە مۇنارى مەڭگۈ ئۆرۈلمەيدۇ.