تارىخىي مىراس — «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە بايان (1)
(ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى)
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرگە تەييارلىغۇچى: زارىپ دۆلەت | مەسئۇل مۇھەررىرى: ئېلىما شاكىر
نەشرىياتتىن
«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، شائىرى ۋە جەمئىيەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىي يېزىق شەكلى بىلەن نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئىلمىي ساھەدىكىلەر ۋە كەڭ جەمئىيەتچىلىكنىڭ قىزغىن قارىشى ئېرىشتى. ئىلمىي ساھەدىكىلەر بۇ ئەسەر ھەققىدە بىر قىسىم تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازدى، ئىلمىي لېكسىيىلەر ئوقۇدى، تەتقىقات يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ توپلامغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆتكۈزگەن «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان لېكسىيىلەر ۋە باشقا بىر قىسىم ماقالىلار كىرگۈزۈلدى.
كىتابنىڭ تەييارلىنىش ۋاقتىنىڭ قىسقىلىقى ۋە تەھرىرلىك تەجرىبىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن بەزى نۇقسانلار بولۇشى مۇمكىن. كىتابخانلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى كۈتىمىز.
رەھبەرلىك ھەققىدە
سەن قاچان يېشىڭ - 11 گە تولغاندا، ئۆزۈڭگە رەھبەر بولۇشقا تىرىش، ئۆز روھىڭغا، ئۆز ئاڭ-سېزىمىڭگە، ئۆزۈڭنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭغا رەھبەرلىك قىلىشقا، ئۆزۈڭنى باشقۇرۇشقا تىرىش. ئۆزۈڭنى باشقۇرۇش دېگەنلىك، ئۆزۈڭنى يامان ئىشلاردىن يىراق تۇتۇپ، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش دېگەنلىكتۇر. ئۆزۈڭگە رەھبەرلىك قىلىشتا، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى تونۇ، ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭنى، نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىڭنى بىل. ئۆزۈڭنى تونۇش ئارقىلىق، ئۆزۈڭنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىڭنى ۋە كەمچىلىكلىرىڭنى بىلەلەيسەن. ئۆزۈڭنى تونۇغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭگە ئىشەنچ باغلا، ئۆزۈڭگە ئىشىنىش ئارقىلىق، ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ھېس قىلالايسەن. ئۆزۈڭگە ئىشىنىش دېگەنلىك، ئۆزۈڭنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلاش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىش دېگەنلىكتۇر.
سەن ئۆزۈڭگە رەھبەرلىك قىلىشتا، يەنە ئۆزۈڭگە نىشان بەلگىلە، ئۆزۈڭنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىڭنى، نېمىگە يەتمەكچى بولغانلىقىڭنى ئېنىق بىل. نىشانىڭ بولسا، ئۆزۈڭنى شۇ نىشانغا قاراپ يېتەكلىيەلەيسەن.
مۇندەرىجە
| تارىخىي مىراس — «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا مۇھاكىمە ۋە بايان | ئەھمەد زىيائىي | 1 | | «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا… | ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن | 70 | | «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىدىيىۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىكى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىم | ئابلەت ئۆمەر | 91 | | «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى ۋە تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى… | ئابدۇكېرىم راخمان | 118 | | «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە… | ئامانۇللا | 136 | | يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت كۆز قارىشى توغرىسىدا | مۇھەممەت زۇنۇن | 172 | | «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ بەدىئىي مېتودى توغرىسىدا | شېرىپىدىن ئۆمەر | 191 | | «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ماھارىپ ئىدىيىسى توغرىسىدا | تۇرسۇن قۇربان | 212 | | «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ۋە تۆتىنچى شەخس — ئودغۇرمىش ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر | ئابلىمىت روزى | 238 |
|«قۇتادغۇبىلىك»تىكى قەسسىلەر توغرىسىدا | ماھمۇت زەيىدى| 270| |«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە | مۇھەممەت ئوسمان |284| |يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق قارىشى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش| غوپۇر ئىسمائىل، لى جىيەنشىڭ| 297| |قەدىمكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئىزلىرى | غەيرەتجان ئوسمان| 325| |يۈسۈپ خاس ھاجىپ — ھەربىي تەدبىرلەر توغرىسىدا | تۇرغۇن ئالماس| 355|
تارىخىي مىراس - «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا مۇھاكىمە ۋە بايان
ئەھمەد زىيائىي
مەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نەزمىي قۇرۇلمىسى ۋە شەكىللىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىر نەچچە يىللىق تەتقىق قىلىش داۋامىدا ھاسىل قىلغانلىرىمنى «بۇ ئەسەرنى تونۇشقا ياردەم بولسۇن» دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالىنى يازدىم. بۇنىڭغا يەنە شۇ ئەسەردىكى مۇنۇ بېيىتلەر تۈرتكە بولدى:
211 كىشى كۆڭلى تۈپسىز دېڭىزدەك تېرەن، بىلىم ئونچە ئوخشاش تۈۋىدە ياتۇر.
212 دېڭىزدىن چىقارمىسا ئونچە كىشى، قالۇر قەدرىسىز بولۇپ ئونچە ساي تېشى.
تۇيغۇ تەسىراتى
ھازىر ئالدىمىزدا ماددىي ماتېرىياللاردىن ئەمەس، مەنىۋى ئىلىملەرنىڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە ماتېرىياللىرىدىن
قۇرۇلغان بۈيۈك ئىلمىي ئابىدە ئۆتمۈشتىكى قابىلىيەت، بەدىئىي سەنئەت ۋە ئىلمىي ئىقتىدارىمىزنىڭ نەچچە كىلىمگە گۇۋاھلىق بەرگەن ھالدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئۇ بولسىمۇ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان ئىلمىي ئابىدە — «قۇتادغۇبىلىك» تۇر.
زامانلار ئۆتتى؛ نى - نى سۇلالىلەر يوقىلىپ، نى - نى شاھلار ئۇنتۇلۇپ، نى - نى تاغلار ئۆرۈلۈپ، نى - نى شەھەرلەر بۇزۇلۇپ، نى - نى كۆللەر قۇرۇپ، نى - نى قوشۇنلار قىرىلىپ، نى - نى قەسىرلەر يىمىرىلىپ يوقىلىپ كەتتى. لېكىن، بۇ بۈيۈك ئەدىبنىڭ ياخشى نىيەت، ئىنسانىي پەزىلەت بىلەن بىنا قىلغان ئىلمىي ئابىدىسى، قۇرۇلۇشنىڭ نازاكىتى، قۇرغۇچىسىنىڭ ماھارىتى، ماتېرىياللىرىنىڭ قىممىتى، ئۆزىنىڭ ئىلمىي شان - شەۋكىتى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ تارتىپ تۇرماقتا. يۈسۈپ قۇرغان بۇ مەڭگۈلۈكنىڭ بۇ قەدەر مەڭگۈلۈشۈپ ھەممىگە مەقبۇل بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى — بۇ ئابىدىنىڭ ئۆنىڭ كىتابىدا يازغان تۆۋەندىكى بېيىتلىرى مەزمۇنىغا سادىق بولغانلىقىدىندۇر:
6502 تىلە كىم ئەمەس شان - شۆھرەت، ياخشى ئات، كىشى نەپى كۆتۈم، ئۆز ئولسۇن يا يات.
6503 ئوقۇچى ئوقۇسا، مېنى ياد ئېتەر، ئۇمىدىم: ماڭا ھەم دۇئاسىن بېرەر.
6504 تىلەكىم بۇ يەردى، ئۈمىدىم شۇلا، تۇغۇلغان ماڭا بىر دۇنيادا بولا.
6505 تىلىم سۆزلەپ بۇ سۆزنى يازدى قولۇم، بۇ تىل ۋە قولۇمغا ھەم باردۇر ئۆلۈم.
6507 ئۇنتۇما بۇنى سەن ئوقۇپ تىرىكلەر، قويۇپ دۇنيانى مەن يىپىنغاندا يەر.
ئۇ دەۋر خانلىرىدىن ئىلتىپات كۈتمىگەن، شانو - شۆھرەتكە قىزىقمىغان، زىيانغا ئۇچراشتىن قورقمىغان، شاھلاردىن تەپتارتىمىغان، بايلىققا قىزىقمىغان، بەلكى كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ياخشى تۇتۇشىنى كۆزلەپ سۆزلىگەن ۋە شۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئۆز ئارزۇسىغا يېتىشنى كۆزلىگەن ھەمدە شۇ مەقسەتتە تەپەككۇر چىمەنلىكىدىن ئەدەب - ئەخلاق گۈللىرىنى تۈزگەن، بۈيۈك ئەدەبىي ماھارەت بىلەن گۈلدەستىلەر تۈزگەن، ئىلھام دېڭىزىنىڭ قايناملىرىدا چۆمۈلۈپ يۈرۈپ ئىجتىمائىي ھاياتقا پايدىلىق ھىدايەت ئۈنچىلىرىنى سۈزۈپ چىققان. بۇ ئۈنچىلەرنى نەزمە يىپىغا تىزىپ چىقىپ، باھاسىز گۈزەل زىننەت ياساپ، زامانە قىزىنىڭ بوينىغا تاقىغان. بۇ گۇاھدەستە ۋە زىننەتلەر دۇنيائىي مىقياستا شۆھرەت قازانغان، جاھان ئالىملىرى تەرىپىدىن چەكسىز ھۆرمەت بىلەن قارالغان.
1000 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، بۇ گۈل قەشقەردە تېرىلىپ ئېچىلغىلى؛ بۇ بىباھا گۆھەرلەر قەشقەر
ده نەزىمە يىپىغا تىزىلغىلى… جاھالەت تۇمانلىرى ئونى بىزگە كۆرسەتمەپتۇ، ئۆتمۈش زاماننىڭ زۇلمەتلىك دەۋىرلىرى ئونىڭ خەۋىرىنى بىزگە يەتكۈزمەپتۇ، بۇ قىممەتلىك مىراستىن مەھرۇم قاپتىمىز، ئەنئەنىۋى يادىكارلىقى يوق تىكەندەك ئۆزىمىزنى مەدەنىي مىراس ساھەسىدە يوقسۇللۇققا گىرىپتار قىپتىمىز. بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆمەن رەڭلىك گۈل - چېچەكلىرى بىلەن تولغان گۈللۈكىنىڭ تاماھىسى بىزگە مۇيەسسەر بولماپتۇ. ئونىڭ يۈرەكلەرنى ئۆزىگە ئاشىق قىلىدىغان جەزبىدار خوش ئاھاڭ ئەدەبىي ناۋاسى بىزگە ئاڭلانماپتۇ. يوقسۇللۇق ھېس قىپتىمىز، شۇنچە زور بايلىقىمىز تۇرۇپ؛ مۇشۇنداق تاتلىق بولۇپ قىمىز تۇرۇقلۇق، كېتىپتۇ لەۋلىرىمىز ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ؛ بىلمەپتىمىز، باشقا ئەللەر ئونى ئاختۇرۇپ تونۇپ تاپقاندا، جاھان ئالىملىرى ئونىڭ ئۈستىدە تەتقىق مەشغۇلىيىتىنى ياققاندا.
ۋەتەنمىزدە باشلانغاندىلا «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» باھارى، ياشناشقا باشلىغاندا ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارى؛ بۇ يادىكار مىراسىمىز تەگدى ئەمدى بىزگە كېلىپ، ئىمكان تاپتۇق كۆرۈشكە ئونى قولىمىزغا ئېلىپ. پىكىر بۆلۈملىرى باشلىدى بۇ گۈللۈككە قونۇشقا، ئىنتىلىشمەكتە جاۋاھىرشۇناسلار بۇ خەزىنەدىكى جاۋاھىراتلارنى تونۇشقا. باشلانماقتا بىزده «قۇتادغۇبىلىك» شۇناسلىق زامانى، يوقالمىقا جاھالەتنىڭ دەھشەتلىك تۇمانى. ئۆمىدكى يۈسۈپنىڭ بۇ مەڭگۈلۈك مەڭگۈ قالغاي خوش ھىدلىرىنى چېچىپ، مەدەنىيەت تارىخىمىزنى يورۇتۇشتا پارلاق يوللارنى ئېچىپ…
سىزدۇرۇپ قان، كۆيدۈرۈپ جان، تىرىشىپ ئەجدادىمىز، قىلدى «قۇتادغۇبىلىك» تەك خەزىننى مىراسىمىز.
قانچە ماختانساقمۇ ئاز، لېكىن ئۈنتۈمايلى شۇنى، نېمە مىراسلارنى كۆتەر، بىزدىن يەنە ئەۋلادىمىز…
ئەسەر مۇئەللىپى، ئىسمى، تۇغۇلغان يېرى، يېشى، ۋاپاتى
بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى — ئۆز دەۋرىنىڭ يېتىشكەن پەيلاسوپ ئالىمى، پەن-مەدەنىيەت خىزمەتچىسى، قاراخانىيلار دۆلەت ئاپپاراتى ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېجىرگەن، ئۆز زامانىسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىلمىي ئەربابى، ئەدىب، شائىر بىر زات ئىدى.
بۇ زات پۈتۈن ھاياتىنى خەلق پايدىسىغا بېغىشلىغان. بىغەرەز ئەسەر ئىجاد قىلغان بىر كىشى بولۇپ، بۇنداق ئالىي غايىلىك مۇئەللىپ جاھاندا ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇ شۇنچە زور ئەسەرنى ھېسابسىز رەنج-مۇشەققەت چېكىپ ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ نەسلى-زاتى، تۇغۇلغان ۋە تۇرغان يېرى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىغان، پەقەت ئەسەر ئاخىرىدا ئۆزىگە پەند-نەسىھەت بېرىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ كېتىپ بېرىپ، گويا ئىختىيارسىز يېزىپ تاشلىغاندەك:
6627 يۈسۈپ، سەن ياراملىق، دۇرۇس سۆزنى ئېيت، يارامسىزنى يوشۇر، زېرەكلىك، قارا.
دەپ قىسمىنى بىر قېتىم ئېيتىپ سالىدىغان بولسا، بەلكى بۇ ئەسەر مۇئەللىپى نامىنىڭ يۈسۈپلىكىنىمۇ ھېچكىم بىلمىگەن بولاتتى. پۈتۈن ئەسەر ئىچىدە مۇئەللىپ ئۆزى ھەققىدە مۇشۇ بىر «يۈسۈپ» تىن باشقا ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.
بۇ ھەقتىكى بىر ئاز كېرەك بىلىمنى پەقەت كېيىن يېزىلغان نەسرىي، نەزمىي مۇقەددىمىلەردىن بىلىپ ئالالايمىز.
نەزمىي مۇقەددىمىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
| كۆرسەڭ كىتابنى بۇ يازغان كىشى، | 54 | | ھۈنەرلىك ئەرەكەن، كىشىلەر بېشى. | |
| بۇ تۈرلۈك پەزىلەت، ئەقىل - ئاڭ بىلە، | 55 | | ئۇ ئەرەمىش بېزەنگەن، يۈرەمىش كۈلە. | |
| ئۇ توغرا، باھۆرمەت بىر زاھىت ئەرۇر، | 56 | | بىلىملىك ۋە تەقۋا، ئېرىغ - پاك يۈرۈر. | |
| تۆرۈگلۈك ماكانى «قۇز ئوردۇ»① ئېلى، | 57 | | تۈپ ئەسلى نەسەبتىن خەقەرچى تىلى. | |
| ئۇ تۇغقان ئېلىدىن كېتىپتۇ چىقىپ، | 58 | | كىتابنى نەزمىگە قوشۇپ تۈگىتىپ. | |
6
59 پۈتۈن ھەممىسىگە بېكىتتىكەچ نىزام، ئۇنى قەشقەر ئىچىندە قىلغان تامام.
60 ھۇزۇرىدا خانىنىڭ ئوقۇغان مۇنى، ئۇ تاۋغاچ قارا بۇغرا خانلار خېنى —
61 قەدىرلەپ ئۇنى كۆپ بېرىپ خىلئىتى①، قەلەم ھەققى دەپ كۆپ قىلىپ ھۆرمىتى.
62 ئونىڭغا بېرىپ خاس ھاجىپلىق ئېتىن، ئۇنى ئەيلەشتۈر ئۆزىگە يېقىن.
63 بۇ مەنى ئۈچۈن، كۆر، قەدىرلەر ئۇنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ ئاتارلەر كۈنى.
نەزمى مۇقەددىمىدىن خېلى كېيىن يېزىلغان نەسرى مۇقەددىمىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «… بۇ كىتابنى تەسنىف قىلغۇچى بالاساغۇن مەۋلۇدۇغ (بالاساغۇندا تۇغۇلغان) پەرھىز ئىزىسى (تەقۋادار) ئەر تۇرۇر. ئەمما بۇ كىتابنى كاشغار تىلىندە تۈگەل قىلىپ (تۈگىتىپ)، مەشرىق (شەرق) مەلىكى (شاھى) تاۋغاچ بۇغراخان ئۈسكىگە (ھۇزۇرىغا) كۆتۈرمىش تۇرۇر. مەلىك بۇغراخانما ئانى ئاغىرلاپ ئۇلۇغلاپ ئۆز خاس ھا-------------------------------------------------- ① خىلئەت — (ئەرەبچە) بۇ يەردە «مۇكاپات» مەنىسىدە كەلگەن.
جېمىللىگىنى تاڭا بېرو يادلىقامىش تۇرۇر. تانىڭ ئۈچۈن يۇسۇپ تۇلۇغ خاس ھاجىب تېپ ئاتى جاۋى تاجوندا يايىلمىش تۇرۇر…»① مۇقەددىمىلەردە يېزىلغان مۇشۇ سۆزلەردىن باشقا مۇئەللىپ ھەققىدە دۇنيادا تېخىچە بىرەر ئىز مەۋجۇت ئەمەس. ئونىڭ ئاتىسى كىملىكى ھېلىھەم ئېنىق ئەمەس. مۇقەددىمىدىكى «… بالاساغۇن مەۋلۇدلۇغ…» دېگەن جۈملىدىن ئونىڭ بالاساغۇندا تۇغۇلغانلىقىنى، «…كاشغەر تىلىندە تۈگەل قىلىپ…» دېگەن جۈملىدىن قەشقەردە يېزىپ تاماملىغانلىقىنى بىلىمىز (بالاساغۇن ھازىر خارابىگە ئايلانغان، ئورنى نامەلۇم. تەخمىن قىلىنىشىچە چۇ دەرياسى بويىدا، ئىسسىق كۆلنىڭ يېنىدا ئىدى، قۇز ئورۇ دەپمۇ ئاتىلاتتى). مۇئەللىپنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى: بۇ خۇسۇستا نەسر ياكى مۇقەددىمە بىزگە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. ئەمما شائىرنىڭ تۆۋەندىكى بېيىتلىرىدىن بۇ توغرىدا بەزى مۆلاھىزىۋى خۇلاسىلەرنى چىقىرالايمىز: 6425 يىل ئاتمىش ئىكى ئەردى تۆت يۈز بىلە، تۈكەتتىم سۆزۈمنى پۈتۈپ تولگۈلە.
بۇنىڭدىن شائىرنىڭ بۇ ئەسەرنى ھىجرىيە 462- يىلى (مىلادى 1069 — 1070) يازغانلىقى بىلىنىدۇ.
① «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 4-، 6- بەتلەردە بېرىلگەن ترانسكرىپتسىيىگە قارالسۇن.
يۈسۈپنىڭ بۇ زور ئەسەرگە سەرپ قىلغان ۋاقتى 18 ئاي، يەنى بىر يېرىم يىل بولۇپ، ئۇنى بۇ بېيىتلاردىن بىلىمىز:
6624 تولۇق ئون سەككىز ئايدا تۈگەتتىم بۇ سۆز، يىغىپ سۆز تاللىدىم ھەم تۈزدۈم تېز.
ئەمدى شائىرنىڭ: 365 تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم، قوغۇ ① قىلدى قۇزغۇن تۈسۈدەك بېشىم.
دېگەن بېيىتىگە قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى يازغان ۋاقىتتا شائىرنىڭ 50 ياش ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. مۇشۇنداق سېلىشتۇرما قىلغاندا، شائىرنى ھىجرىيە 412- يىللىرى (مىلادى 1019) تۇغۇلغان دەپ ئېيتىش مۇمكىن.
ئۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ھېچقانداق يەردە ئىز يوق. ئەمما ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى قوشۇمچە قەسەدە بىزگە يۈسۈپنىڭ خېلى ياشانغان بىر ھايات مەنزىلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، 50 ياش كىشى قېرىلىقتىن بۇنچە زارلىنىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئەمما بۇ قەسەدە ياشلىققا قاتتىق ئېچىنىشلىق ھەسرەتلەر بىلەن تولغان:
6521 ئۆتۈچى بولۇتتەك، يىگىتلىكنى ئۆتتۈم ②، بوران - يەل ئۆتەردەك ھاياتنى تۈگەتتىم.
① قوغۇ — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئاققۇ. ② ئۆتتۈم — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئۆتكۈزۈۋەتتىم.
6522 ئېسىت ھەي يىگىتلىك، ئېسىت ھەي يىگىتلىك، تۇتۇش بىلمىدىم مەن سېنى تېز قاچۇرتتۇم①.
6523 يەنە كەلگىن ئەمدى يىگىتلىك ماڭا سەن، تۇتاي ئالقانىمدا، ئاغى - چۆز تۆشەتتەم.
6524 ئېسىت، بۇ يىگىتلىك قېنى، نەگە كەتتى؟ تىلەپ تاپمىدىم مەن، شۇنچە تىلەيتتەم.
6525 ھايات تاتلىقى ئو شىرىن جان سۆيۈنچى، يىگىتلىكتەك ئەزگۈ يوق ئەركەن، ئايىتتەم②.
6527 قېرىلىقتا ئەيىب يوق ئەندى توغرا تۇتسەم، ئېسىتكىم، ئۆمۈرنى ئەجەب زايه ئەتتەم.
6528 دەردىخ! ئېچىنۇرمەن ساڭا ئەي يىگىتلىك، جەمى ئۆزلۈغۈمنى يوقاتتۇك، يوقاتتەم.
6529 قىزىل ئەردى مەڭزىم تامام ئەرغۇۋاندەك، بۈگۈن ئاڭا زەپەر تۇرۇغىن سۈرۈتتەم.
6530 ئېپاردەك قارا باشقا مەن كافۇر پۈركۈدۈم، تولۇندەك تولۇق يۈزنى نەگە ئەۋەتتەم.
① قاچۇرتتۇم — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) قاچۇرۇۋەتتىم. ② ئايىتتەم — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) سورىدىم، سوراشتۇردۇم.
6531 يورۇق يازدەك تەنلىرىم تۆمەن رەڭ چېچەكلىك، خازان بولمىسۇن، ھەممىنى قۇرۇتتۇم.
6532 قېنىندەك بويۇم تېرىدى، ئوقتەك دۇرۇس - تۈز، بولۇپ ئەگرى يادەك ئېگىلدىم، تۈگىشتىم.
مۇشۇلارغا قاراپ، ئەسەر مۇئەللىپىنىڭ ھايات مەزگىللىرىنىڭ 70 - 80 يىللىرى باسقان دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.
ئەسەرنىڭ نامى، تۈرى، تىلى، ھەجمى
ئەسەرنىڭ نامى:
ئەسەرنىڭ نامى ئەسەر ئىجادچىسىنىڭ يازغىنى:
350 كىتاب نامى قويدۇم قۇتادغۇبىلىك، قۇتاتسۇن ئوقۇچىغا تۇتسۇن ئىلىك.
دېگەن بېيىتى بويىچە «قۇتادغۇبىلىك» تۇر. «قۇت» سۆزى ئۇيغۇرلاردا «بەخت»، «سائادەت»، «مۇبارەك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ نام ئىككى قىسىم ۋە بىر پېئىلدىن قۇرۇلغان. «قۇت» - ئىسىم، «ئاتقۇ» - پېئىل، «بىلىك» - ئىسىم، «قۇت ئاتقۇ بىلىك» (بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) دېمەكتۇر. بۇ نامغا ھەر بىر تەتقىقاتچىنىڭ بەرگەن بىر تۈرلۈك مەنىلىرىمۇ بار. مەسىلەن: بارتولد «شاھلار بىلىمى»؛ تۈرك ئالىمى كافەس ئوغلى «ھاكىمىيەت بىلىمى»؛ سەدرى مەقسۇدى «قانۇن قۇل
لانمىسى»؛ رېشىت رەھمىتى ئارات «بەخت بەركۈچى بىلىم» دېگەن. بىز مۇشۇنىڭغا قوشۇلىمىز. چۈنكى «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن سۆز ھازىرقى ئۇيغۇرچە «بەخت بەركۈچى بىلىم» دېگەن سۆزنىڭ ئۆز ئەينىدۇر.
ئەسەرنىڭ تۈرى:
«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتىنىڭ نەزمە تۈرى بويىچە يېزىلغان چوڭ نەزمىي ئەسەر بولۇپ، مەسنەۋى (ئىككىلىك) ئۇسلۇبى بىلەن تۈزۈلگەن. مەسنەۋى ئۇسلۇبىدىن تاشقىرى 250 تىن ئارتۇق رۇبائىيلىرى بار.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋەزنى:
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋەزنى توغرىسىدا ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. بەزىلەر «ئارۇز» ۋەزنىدە يېزىلغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر «تۈرك بارماق ۋەزنىنىڭ 11 لىك تۈرى بىلەن يېزىلغان» دەيدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان بولسا، ئۇ ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھرى مۇتاقارىبى مۇسەممەنى مەھزۇپ ياكى مەقسۇر (ئاخىرقى ئېغىزى تاشلانغان، بىر - بىرىگە يېقىن سەككىزلىك بەھرى - فەئۇلۇن / فەئۇلۇن / فەئۇلۇن / فەئۇل - «ن» ھەرپى ئېلىپ تاشلانغانلىقتىن «مەھزۇپ» دېيىلىدۇ) ۋەزنى بىلەن يېزىلغان بولىدۇ. بۇ ۋەزنىدە سۆزلەر مۇنداق تەقرىز (كېسىلىش) قىلىنىدۇ:
كىتاب ئا / تى قويدۇم / قۇتادغۇ / بىلىك،
قۇتاتسۇ / ئوقۇچى / غا تۇتسۇ / ئىلىك.
فەئۇلۇن، فەئۇلۇن، فەئۇلۇن، فەئۇل.
بۇ ئەسەرنىڭ ئىچىدە شائىر 3805 - بېيىت بىلەن كىتاب ئاخىرىدىكى ياشلىققا ھەسرەت چېكىپ، «شەردىلىققا ئېچىنغان دەرتلىك قەسىدىسىنى بەھرى مۇتاقارىپى مۇسەممەنى سالىم (ئاخىرى تولۇق بىر - بىردەك يېقىن سەككىزلىك بەھرى) بىلەن يازغان. مەسىلەن:
تېكىستى: يۈرۈكلى / بولۇتتەگ / يىگىتلىك / نى ئۆتتەم
فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن
ئورۇز ۋەزنىگە سېلىنغاندا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر تۈرك نەزمە ئۆلچەم تۈرىنىڭ 11 بارماق ۋەزنىگە سېلىنسا مۇنداق بولىدۇ:
ك تاب ئا تى قوي دۇم قۇ تاد غۇ بى لىك 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11
بىز شائىرنىڭ بەزى يەرلەردە ئورۇزدىكى سوزنى قىسقارتىش، ئوزارتىش، سوزۇش قائىدىسىنى قوللانغانلىقىغا قاراپ، بۇ ئەسەر ئورۇز ۋەزنى بىلەن يېزىلغان دېگەن تويغۇدىمىز. مەسىلەن:
تېكىستى: 350 كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇبىلىك، قۇتادسۇ ئوقۇغلىقا تۇتسۇ ئەلىك.
2 - مىسراسىنى «قۇتادسۇن ئوقۇچىغا تۇتسۇن ئېلىك» دېسە، 11 لىك بارماق ۋەزنىگە ئوبدان چۈشەتتى. لېكىن شائىر «قۇتادسۇ … تۇتسۇ …» دەپ، ئىككى «ن» ھەرپىنى تاشلاپ يازغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئورۇز ۋەزنىدىكى
ئاھاددارلىقنىڭ تەشكىللىككە رىئايە قىلمىغانلىقتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھەجمى:
ھازىر قولىمىزدا بار ۋە تولۇق دەپ ھېسابلانغان تۈرك تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن بېسىلغان، رېشىت رەھمەتى ئارات توپلىغان مەتن بويىچە 6645 بېيىت، 13290 مىسرا. بۇنى يەنە تولۇق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى 6303 تىن ۋە 6351 دىن، 6858 دىن كېيىن ھەم سەرلەۋھىدىن كېيىن باشلانغان، 6859 دىن ئىلگىرىكى بېيىتلەر كەم. قانچىلىك كەم؟ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.
بۇ ئەسەر ئۆزى 85 باب بولۇپ، قوشۇمچە قىلىنغان ئۈچ قەسىدە بار. بابلارنىڭ تۈزۈلۈش - قىسقىلىقى تەڭشى ئەمەس. ئەسەرنىڭ ئۆزى 6520 بېيىت، 13040 مىسرا. ئاخىرىدىكى ئۈچ ئىلاۋە قەسىدە: بىرى، «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» قەسىدىسى بولۇپ، 6521 دىن 6564 كىچە 35 بېيىت، 70 مىسرا؛ ئىككىنچىسى، «زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى توغرىسىدا» قەسىدىسى بولۇپ، 6565 تىن 6604 كىچە 40 بېيىت، 80 مىسرا؛ ئۈچىنچىسى، «كىتاب ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھىتى» قەسىدىسى بولۇپ، 6605 تىن 6645 كىچە 41 بېيىت، 82 مىسرا.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تىلى:
بۇ مەسىلە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا تېخىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئالىملار ئارىسىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە تۈرلۈك نۇقتىلار مەۋجۇت.
رۇس تەتقىقاتچىسى رادلوف «قۇتادغۇبىلىك» تىلىنى بەزى ئۇ تىلغا، بەزى بۇ تىلغا يېقىنلاشتۇرغان بولسىمۇ، يەنە ئۆز كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرالماي، «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا سۆزلىگەندە «قۇتادغۇبىلىك» تىلى دەپ ئاتاپ، ئەسەرنىڭ ئالتايلاشقان ترانسكرىپىسىيىسىنى بەرگەن. تومسۇن «قۇتادغۇبىلىك»نى تەپسىلىي ئۆگىنىپ چىققاندىن كېيىن رادلوفنىڭ بۇ ترانسكرىپىسىيىسىنى رەت قىلغان①. رادلوف كېيىن ئۆز خاتاسىنى ئىقرار قىلىپ تومسۇننىڭ پىكرىگە قوشۇلغان②. دېمەك، رادلوفمۇ «قۇتادغۇبىلىك» تىلىنى پالانى تىل دېيەلمىگەن. ئەمدى س. يى. مالوفقا كەلسەك، ئۇ بىر يەردە «قۇتادغۇبىلىك» نى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر قاتارىغا قوشسا، يەنە بىر يەردە «ئۇيغۇر مۇسۇلمان يادىكارلىقى» دەپ كۆرسىتىدۇ③. دېمەك، رادلوف ئەڭ ئاخىرىدا ئەسەر تىلىنى «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئىقرار قىلىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئۆزبېكچىگە تەقسىپ قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىداتى قەييۇم كەرىموف نەسرىي مۇقەددىمىدىكى: «…چىن - ماچىن ئالىملىرى ۋە ھاكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كېلىدۇكى، مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە بۇغراخان تىلىدا تۈركىي سۆز بىلەن (ھېچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ
① س. يى. مالوف: «تۈرك كونا يازما يادىكارلىقلىرى» 1951 - يىل نەشرى ② ۋ. رادلوف: «قۇتادغۇبىلىك نەشرىگە بەرگەن ئاخىرقى سۆز». ③ س. يى. مالوف: «تۈرك كونا يازما يادىكارلىقلىرى» 1951 - يىل نەشرى.
كتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غايەت تۈزلۈكى ۋە پەۋقۇلاددە گۈزەللىكىدىن، ئۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى ۋە ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر بىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەب بەردى» ① دېگەن جۈملىلەرنى سىتاتا كەلتۈرۈپ مۇنداق خۇلاسىگە كېلىدۇ: «بۇغراخان تىلىدا دەپ نەزەردە تۇتۇلغان تىل بۇغراخان قول ئاستىدا بىرلەشكەن ھەممە ئاساسىي قەبىلىلەر ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەر قايسى ئىقلىم ۋە قايسى پادىشاھلىققا يەتسە ئۇلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ئوقۇلغان. دېمەك، ئەسەر تىلى شۇ دەۋر تۈرك قەبىلىلىرى تىلىنىڭ ئاساسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن، شۇڭا <قۇتادغۇبىلىك> نى 11 - ئەسىردە ياشاغان بىرەر خەلقنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش ناتوغرا بولىدۇ» دەيدۇ.
بىزنىڭچە، بۇ نەزەرىيە مۇقەددىمىدە «بۇغراخان تىلىدا» دېيىلگىنى توغرا. ئەسەر شۇ چاغدا قەشقەردە «بۇغراخان تىلى» دەپ ئاتالغان خاقانىيە تىلى بىلەن يېزىلغان. ئەمما شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، شۇ چاغدا قەشقەردە بۇغراخان دۆلىتىنى تەشكىل قىلغان غوللۇق خەلق — ئۇيغۇر مىللىتى ئىدى. بۇ مىللەت قەشقەردە ئاساسىي كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلاتتى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي، مەدەنىي تۇرمۇشىغا دائىر مەلۇماتلار بەرگەندە: «ئۇيغۇر ۋە بەزى تۈركىي
① «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 5- بەت.
خەلقلەرنىڭ شەھەردە ئولتۇراقلاشقانلىقى»، «ئۇيغۇر ۋە بەزى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئىشلىتىشى»، «ئولتۇراقلاشقان شەرقىي ئۇيغۇر» دېيىشلىرى، «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئابىدىلەر»، شۇنىڭدەك مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ فونېتىكا، گرامماتىكا قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە «ئۇيغۇر» سۆزىنى باشقا تېلىپ، تۈركىي خەلقلەر دېگەندە «بەزى»، يەنى ئازچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىنى قوللانغانلىقىدىن «بۇغراخان تىلىدا» دېيىلگەندە، ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېغىر سالماقنى تۇتىدىغانلىقىنى كۆرۈش قىيىن ئەمەس.
بۇنىڭدىن باشقا شۇ ئەسەر يېزىلىپ ھازىرغىچە 1000 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، قەشقىرىدە «قۇتادغۇبىلىك» تە قوللىنىلغان سۆزلەردىن بىر مۇنچىلىرى ئۇيغۇرلار ئاغزىدا يۈرمەكتە. مەسىلەن: قۇت (بەخت). تۆمەن دەرياسى بويىغا چىقىلسا، ھايۋان بېقىشلارنىڭ ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىنىڭ قولىنى سىلكىپ «قۇت تاتسۇنمۇ» دەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك، ئۆز - چىرايلىق، ئۆگۈز — دەريا (قەشقەردە مۇز ئېرىپ، ھەر تەرەپتىن ئېقىپ چۈشكەن سۇنى ئۆگۈز دەيدۇ)؛ پۇتاق — شاخ — دەرەخنىڭ پۇتىقى؛ كېلىن — كېلىن؛ ئاغاچ — ياغاچ؛ يىلىك — يىلىك — يالگاچ؛ ئەش — ھەمراھ — بالىنىڭ ئانىدىن تۇغۇلغاندىكى بىللە چۈشكەن ھەمراھى؛ تۇرا — قورغان؛ يېمىش — يېمىش؛ سېمىز — سېمىز؛ سۆچۈل — كىيىمنى سال؛ تون — تون چاپان؛ تۇل — تۇل خوتۇن…
تېخى بىز بۇ خۇسۇستا تەپسىلىي ئىزدەپ باقمىدۇق.
تېپىمىزدە قالغانلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق ئېيتالايمىزكى، «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر تىل قۇرۇلمىسىغا ئىگە ۋە ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتىنىڭ يادىكارلىقى ۋە نامايەندىسى. ئۇنىڭ تىلى باشقا تۈركىي قەبىلىلەر تىلىغا قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن ۋە ئۇيغۇردۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئۇيغۇر تىلىغا ئۇيغۇر تەرەپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردا ھازىر قوللىنىلىۋاتقان سۆزلەر ئۈستىدە بۇندىن كېيىن ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە پاكىتلار ئۆزى سۆزلەيدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ تۇمانلار ئاستىدا كۆمۈلۈپ قايتا تۇغۇلۇپ چىققان چاغلىرى، ھەر قېتىملىقتا ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھالار
بۇ ئەسەر يېزىلىپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم دەۋر تۇمانلىرى بىلەن كۆمۈلۈپ، يەنە قايتا ئىلمىي دۇنياسىغا نۇر چېچىپ تۇغۇلۇپ چىقتى.
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تۇمانلار يوقىلىپ، ھەر بىر قېتىم تۇغۇلۇپ چىققان چاغدا، بۇ ئەسەرگە شۇ دەۋر ئەربابلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن باھالار بۇ ئەسەرنىڭ قانداق قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەنلا قالماي، ئەسەر بىلەن يېڭى تونۇشۇپ، ئۇنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا بەزىلەرنىڭ «نېمىشقا قىلىشىدۇ» دېگەن ئۆزە قاراشلىرىغا تۈزىتىش بېرىدۇ. چۈنكى پاكىت
ھەممىدىن ئۈستۈن.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىرىنچى قېتىم ئاشكارىلىنىشى:
بۇ چاغ، ئەسەرنىڭ تۇنجى قېتىم يېزىلىپ قەشقەر سۇلتانى تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلانخانغا تەقدىم قىلىنغان ۋاقىتتۇر، بۇ ۋاقىت ھىجرىيە 462 - يىلى بولۇپ، مىلادى 1069 — 1070- يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ ئەسەر خان ئالدىدا ئوقۇلغاندىن كېيىن، خان ئۇنى ئېتىراپلاپ، قىممەتلەپ، ئەسەر ئىجادچىسىغا «خاس ھاجىپ» لىقتەك زور دەرىجىدە يۇقىرى ئۈنۋان بەرگەنلىكى بۇ كىتاب قىممىتىنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسىدۇر.
ئىككىنچى قېتىم ئاشكارىلىنىشى:
بۇ، ئەسەر ئىجاد قىلىنىپ، نامەلۇم سەۋەب بىلەن بىر قانچە ۋاقىت يوشۇرۇنلۇق پەردىسى ئاستىدا قالغاندىن كېيىن قايتا تۇغۇلۇپ چىققان دەۋردۇر. بۇ ھالنى بىزگە پەرغانە نۇسخىسىنىڭ بېشىغا يېزىلغان مەنسۇر ۋە مەنزۇم مۇقەددىمىلەر كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ يېزىلىشى تىلىق دەۋرىدىن ئانچە بەك ئۇزاق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ تىلى «قۇتادغۇبىلىك» تىلىدىن كۆپ پەرقلىق ئەمەس. بۇ مۇقەددىمىلەردىمۇ كىتابقا مانا مۇنداق قىممەتلىك باھا بېرىلگەن:
9 ۋە يەنە بۇ كىتابتۇر ناھايىت ئېزىز، ئالىملارغا بولغاي بىلىمدىن دېڭىز.
10 بېزەنگەن ئۇ قىممەت بىلىملەر بىلە، ئەي كىشى، شۈكرى قىل، قانائەت تىلە.
11 ھېكمەتلەر سۆزىنى جەمئىي يېزىپ، گۆھەر - ئۈنچىلەردەك قويۇپتۇ تىزىپ.
12 ماچىنلار بېگى ①، شەرق سۇلتانلىرى، بىلىملىك، ئاقىل، دۇنيا ياخشىلىرى.
13 جەمئىي كىتابنى ئۆزىنىڭ قىلىپ، يوشۇرغان خەزىنە ئىچىگە قويۇپ.
14 بىرىدىن بىرىگە مىراس قالدۇرۇپ، بۆلەكچە بەرمەس ئۆزىگە قويۇپ.
15 ئېرىر پايدىلىق، ھېچ زىيان ئۇندا يوق، تولا تۈركلەر ئوقۇماس مەنسىن تولۇق.
18 ماچىن، چىن ھېكمى ئۇلار بارچىسى، گۈزەل دەپ ماختىدى ئۇنى ھەممىسى.
19 پۈتۈن تۈرك، چىن، شەرق تىلىدە دېمەك، مۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك.
① بەگ — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئەلنىڭ بېشى، خان، ھۆكۈمدار.
23 بو بۇغراخان ۋاقتى مۆتەلىپ ئۆلى، يەنە خان تىلى بىرلە ئېيتىمىش بۇنى.
24 مۆلىكۈدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئەۋۋەل، كېيىن كىممۇ ئېيتار بۇنىڭدەكنى دەل؟
27 ھەر ئەلنىڭ بىلىملىك ھېكىمى تۇرۇپ، تۇتۇپتۇ شۇ ئەل رەسمىيچە ئات قويۇپ.
28 بۇ چىنلىق «ئادابۇلمۆلۈك» ئادىتى، ماچىنلىق «ئەنەسۇل مەمالىك»① دېدى.
29 بۇ شەرق ئەللىرىدە تولۇغلاپ تۇنى، «زىنەتۇلئۇمەرا» دېدىلەر كۇنى②.
30 ئىرانلىقلار «شاھنامە» دەپ ئاتىشار، تۇرانلىق «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئاتار.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۈچىنچى قېتىم تارىخنىڭ قارائىغۇ پەردىسىدىن يورۇقلۇققا چىققانلىقىنى نەسرىي مۇقەددىمىدىن بىلىمىز. چۈنكى، بۇ نەسرىي مۇقەددىمىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىغا قارىغاندا ۋە نەزمىي مۇقەددىمە
① ئەنەسۇل مەمالىك — (ئەرەبچە) سەلەتەنەت سەردىشى. ② كۇنى — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) توغرا، دۇرۇس، ھەق.
ھەمدە «ئەقىل» ئورنىغا «خىرد» (پارسچە)، «مەلىك» ئورنىغا «شاھ» دەپ ئېلىنغانلىقى؛ ئەسەرنىڭ نەزمىي مۇقەددىمە يېزىلغاندىن كېيىن مەلۇم زامان يوقىلىپ كەتكەنلىكى، كېيىن ئوتتۇرىغا چىققاندا بۇ نەسرىي مۇقەددىمىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (نەسرىي مۇقەددىمىنىڭ مەلۇم جايلىرى يۇقىرىدا بېرىلدى)، بۇ مۇقەددىمىگىمۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىلگەن.
نەزمىي، نەسرىي ئىككى مۇقەددىمە ئارىسىدىكى يېزىلىش ئۇسلۇبى، سۆز قوللىنىشلىرى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى جانلاندۇرۇشنىڭ بىر - بىرىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن يېزىلغانلىقىنى تەخمىن قىلدۇرىدۇ.
4 - قىممەتلىك ئاشكارىلىنىشى:
1914 - يىلى ئۆزبېك ئالىمى فىترەت تەرىپىدىن تېپىلىپ ئېلان قىلىنىش بىلەن باشلانغان. شۇندىن كېيىن ئىلىم دۇنياسى بۇ ئەسەرگە ناھايىتى ئېتىبار بەردى. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۇرغۇن ئالىملار بۇ كىتاب تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئۆمۈرلىرىنى سەرپ قىلىشتى ۋە قىلىشماقتا. ئونىڭغا ئۆزلىرى چۈشەنگەنگە قەدەر باھا بېرىشمەكتە، بۇ كىتابقا قانداق قەدەر - قىممەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تەتقىقاتچىنىڭ سۆزى ئىسپاتلايدۇ. 18 يىل «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىپ، بۇ ساھەدە ئالقىشقا سازاۋەر ئىلمىي ئىش قىلغان رېشىت رەھمەتى ئارات شۇنچە ئىشنى ئىشلىگەندىن كېيىن: ««قۇتادغۇبىلىك» تېخى
قول تەگمىگەن بىر ئابىدە ھالىتىدە تۇرماقتا» دەپ جاھانغا ئېلان قىلىدۇ.
ئۆزبېكىستان س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن «قۇتادغۇبىلىك»نى نەشرگە تەييارلىغان قەييۇم كەرىموف «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن چۈشەنچىلىرىنى بەرگەندىن كېيىن: «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ قىممىتىنى مەۋجۇت مىزانلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ» دەيدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى، تۈركىيىلىك ئا. دىل ئاچار: «‹قۇتادغۇبىلىك› — پارىلداپ تۇرغان كوچىلار بىلەن تولغان بىر شەھەردۇركى، كۆرگەنلەرنىڭ كۆزلىرى قامشىدۇ، ھەممە كوچىلارنى تاماژا قىلىپ چىقىش تېخى ھېچكىمگە مۇيەسسەر بولغىنى يوق. ھەركىم ئۆزى كۆرگەن كوچىنى تەرىپلەۋاتىدۇ» دەيدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىر بار نۇسخىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشلىرى
ھازىر دۇنيادا «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئۈچ نۇسخىسى بار:
- ۋېنا ياكى ھىرات نۇسخىسى
- فەرغانە ياكى نەمەنگان نۇسخىسى
- مىسىر ياكى قاھىرە نۇسخىسى
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەربىرى تېپىلغان ياكى كۆچۈرۈلگەن ئورۇنلىرىغا قاراپ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇلار
لىك ئىچىدە دۇنياغا دەسلەپ مەلۇم بولغىنى ھىرات نۇسخىسىدۇر.
1. ۋېنا نۇسخىسى:
بۇ نۇسخا ھىراتتا كۆچۈرۈلگەنلىكتىن ھىرات نۇسخىسى، ۋېنا كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغانلىقتىن ۋېنا نۇسخىسى دېيىلىدۇ. بۇ نۇسخا ئەرەب ھەرپى بىلەن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىدىن ئۇيغۇر ھەرپى بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلەنگەن. كۆچۈرۈلۈش ۋاقتى «قۇتادغۇبىلىك» يېزىلغان تارىختىن 370 يىل كېيىن، بۇ نۇسخا باشتا توكات ۋىلايىتىگە، ئاندىن ھىجرىيە 879 - يىلى (مىلادى 1474 - يىل) ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئاۋسترىيەلىك شەرقشۇناس ھاممىر پۇرگستال ۋېناغا ئېلىپ بېرىپ، ۋېنا كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان. ۋېنگرىيە ئالىمى ۋامبىرى، رۇس ئالىملىرىدىن رادلوفلار 19 - ئەسىر ئاخىرلىرىدىن تارتىپ پارچىلاپ تەرجىمە قىلىپ دۇنياغا ئاشكارىلىغان.
2. فەرغانە نۇسخىسى:
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىر مەۋجۇت نۇسخىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك نۇسخا مۇشۇ نۇسخىدۇر. بۇ نۇسخىنى 1914 - يىلى زەكى ۋەلىدى نەمانگاندىن تېپىپ ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر ئاز ئىشلىگەن، شۇڭا بۇ نۇسخىنى نەمانگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتايدۇ.
شۇندىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ نۇسخا مەلۇم زامان ئىزسىز يوقىلىپ كەتكەن، كېيىن پروفېسسور فىترەتنىڭ قولىغا چۈشكەن، ئۇ «مائارىپ ۋە
ئوقۇتقۇچى» ژۇرنىلىدا بۇ ئەسەر توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات بىلەن بۇ نۇسخىنىڭ 145 - بېتىنىڭ فوتو سۈرەتكە ئېلىنغان فاكسىمىلىنى بەرگەن. نۇسخا ھەققىدە يېزىلغان بۇ ماقالىدىن بەتلەرنىڭ چېچىلىپ قايتا توپلانغانلىقىنى، رۇبائىيلارنىڭ ئالتۇن سۈيى بىلەن يېزىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. زەكى ۋەلىدى بۇ نۇسخىنى نەشىر قىلغاندا بىر شەخسنىڭ كۇتۇپخانىسىدا كۆرۈپ قېلىپ، بۇ توغرىدا مەلۇمات يازغان. باش - ئاخىرى تولۇق ئەمەس، كىم ئۈچۈن، كىم تەرىپىدىن يېزىلغان بەتلەرمۇ يوقاپ كەتكەن؛ يېزىلغان ۋاقىت، تارىخىمۇ تەخمىنىي. فىترەت خەتنىڭ چىرايلىقلىقىغا قاراپ، ھىرات نۇسخىسىدىن بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن دەپ تەخمىن قىلىدۇ. ئەرەب يېزىقى مۇتەخەسسىسى مورتىز بۇ شەكىلدىكى ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ 6 - 7 - ئەسىرلەردە ئىراندا مەۋجۇتلۇقىغا ۋە بۇ شەكىلنىڭ سۈرىيە، مىسىردا ئەييۇبىيلەر زامانىسىدا (569 - 650، 1174 - 1252) ئىشلىتىلگەنلىكىگە قاراپ، پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مىسىر نۇسخىسىدىن ئىلگىرى، بەلكى 7 - ھىجرىيىدە (ياكى ھىجرىيىنىڭ 700 - يىللىرىدا) يېزىلغانلىقىنى گۇمانىي پەرەز قىلىدۇ. سەرلەۋھە ۋە رۇبائىيلارنى ئالتۇن سۈيى بىلەن يازغان بەزى ئوخشاشلىقلارغا قاراپ، بۇ نۇسخا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ جانلىق، گۈللەپ - ياشنىغان دەۋرلىرىدە يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلماقتا. بىر - ئىككى كەم بېتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ نۇسخا بەك ياخشى ۋە تولۇق ساقلانغان.
- مىسىر نۇسخىسى:
بۇ نۇسخا 1896 - يىلى قاھىرەدىكى ھەدىۋ (سۇلتانلىق) كۇتۇپخانىسىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇدىرى مورىتز تەرىپىدىن كۇتۇپخانا كىتابلىرىنى رەتلىگەندە چۆچۈق ھالدا تاشلاپ قويۇلغان رەتسىز قەغەز پارچىلىرى ئارىسىدىن تېپىپ تېلىنغان. ئۇ، بۇ ئەسەرنىڭ پارچىلىرىنى تېپىپ رەتلىگەن.
رادلوفنىڭ مەلۇماتىچە، بۇ كىتابنىڭ بەتلىرى 35 - 36 سانتىمېتىر، قۇرلىرى 18.5 سانتىمېتىر ئوزۇنلۇقتا، 1.5 سانتىمېتىر كەڭلىكتە بولۇپ، ئوقۇشقا ئاسان تەرەپ ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان. كىتابنىڭ باش بېتى، سەرلەۋھە، رۇبائىيلار ئالتۇن سۈيى بىلەن يېزىلىپ نەقىشلەنگەن.
«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان دۆلەتلەر ۋە ئالىملار
«قۇتادغۇبىلىك» — ئىجاد قىلىنغان ۋاقىتتىن تارتىپ ھەرقايسى مەملىكەتلەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى قەدىرلەپ تەتقىق قىلىپ كەلگەن بىر ئەسەردۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىش 19 - ئەسىرنىڭ 1 - چارىكىدە كەڭ قانات يېيىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىت - كۈنى ئوخشاش بولمىغان ئىلگىرى - كېيىنلىك بىلەن دانىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، چار رۇسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، تۈركىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆ
لە تىللاردا «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى. گېرمانىيىلىك ئالىم ئوتتو رادلوف؛ ۋېنگىرىيىلىك ئالىم ۋامبېرى؛ رۇسلاردىن س. ئى. مالوف، ۋ. رادلوف، بارتولد، سامايلوۋىچ؛ ئىتالىيىدىن بومباچى؛ تۈركلەردىن رەشىت رەھمەتى ئارات، ئادىل ئاچار، سەدرى مەقسۇدى، نەجىپ ئاسىم كۆپرۈلى پۇئات زادە؛ ئۆزبېكلەردىن فىترەت، زەكى ۋەلىدى؛ دانىيىدىن تومسېن، بروككېلمان، ھارتمانغا ئوخشاش ئالىملار «قۇتادغۇبىلىك» ساھەسىدە نۇرغۇن ئىشلىدى. تۈركىيە تىل قۇرۇمى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ ئەسەرنى ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى. ئېنگلىزچە، گېرمانىيىلەردە ئايرىم بابلىرى ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇلار ئۆز كۇتۇپخانا ۋە مۇزېيىخانىلىرىنى بۇ قىممەتلىك ئەسەر بىلەن تەمىنلىمەكتە. يېقىندىن بۇيان ياپونىيىدىمۇ «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىغا كىرىشكەنلىك خەۋىرى ئاڭلانماقتا.
«قۇتادغۇبىلىك» يېزىلغان زامان
قانداق بىر ئەسەر بولسۇن، ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن دەسلەپ شۇ ئەسەر يارىتىلغان زامان بىلەن تونۇشۇش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، يازغۇچىنىڭ ئىجادى ئۇنى ئوراپ تۇرغان مۇھىت ۋە شارائىتنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك» نى ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپىنى
لىمىنى چۈشىنىشتە، شۇ ئەسەر ئىجاد قىلىنغان زامان بىلەن بىر قۇر ئاشنا بولۇش لازىم.
«قۇتادغۇبىلىك» قاراخانىيلار زامانىدا يېزىلغان. قاراخانىيلار سۇلالىسى يوقىرىقى چىندىن خەزەر دېڭىزىغىچە بولغان كەڭرى زېمىننى ئىشغال قىلغان بىر سەلتەنەت بولۇپ، 890- يىلدىن 1222- يىلىغىچە 332 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ 180- يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىت قاراخانىيلارنىڭ گۈللىنىپ كامالەتكە يەتكەن (ئىچكى قارىمۇ قارشىلىق بىلەن تولغان بولسىمۇ) كۈنلىرى بولۇپ، ئىلىم - مەرىپەت، مەدەنىيەت ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ياشناپ تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەر ساھەدە ئالىملار يېتىشىپ چىققان بىر زامان بولغان. ئەپۇسۇسكى، قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ پىكىر ۋە سەنئەت ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن زورراق باشقا ئەسەرلەر تېخى تېپىلمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى زور دىققەت بىلەن قاراپ چىققان بارتولدۇمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن مەجىددىن مۇھەممەت بىن ئادناننىڭ «تۈركىستان ۋە خىتاي» ناملىق ئەسىرىنى، مۇھەممەت بىن ئەلىنىڭ «ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى» دېگەن ئەسەرلىرىنىلا كۆرسىتەلىگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈچ يۈز يېرىم ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ سۇلالىدىن ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خان ئابدۇلكېرىم سۇتۇق بۇغرا قاراخان
دۇر. بۇ كىشى سامانىلار خاندانىغا مەنسۇپ شاھزادە ناسىرنىڭ تەسىرى بىلەن 12 ياشتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، 25 ياشتا قاراخانىلار تەختىدە ئولتۇرغان. ھىجرىيە 344- يىلى (مىلادى 960- يىل) ۋاپات بولۇپ ئاتۇشتا دەپنە قىلىنغان.
بۇ دەۋرلەردە قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى پايتەختى بولۇپ، بىرى — قەشقەر (ئوردۇ كەنت)، يەنە بىرى بالاساغۇن (قۇز ئوردۇ) ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرى مۇشۇ قاراخانىلار سۇلالىسى ئىچىدە ھىجرىيە 462- يىلى (مىلادى 1069 - 1070) خان بولۇپ تۇرغان، قەشقەر تەختىدە ئولتۇرۇغلۇق تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن سۇلايمان ئارسلان قاراخانغا تەقدىم قىلىنغان. «قۇتادغۇبىلىك» مانا شۇ ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇنداق بولغانلىقتىن، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ھاياتى، دىنىي ئېتىقادلىرى، ئىلمىي پائالىيەتلىرى، جەمئىيىتىنىڭ بۇلار بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى كەڭ چۈشىنىش كېرەك. بۇنسىز «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىپ يورۇتۇپ بېرىش قىيىن، بۇ ھەقتە كېيىن توختىلىمىز.
«قۇتادغۇبىلىك» نى مۇئەللىپ قانداق
ھەرىپتە يازغان؟
بۇ مەسىلە ھازىرغىچە «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ
ئىككىنچىسى (بۇ ھەل بولمىغان مەسىلىلەر: 1. ئۆزلى، 2. قانداق ھەرىپتە يېزىلغانلىقى؛ 3. مۇقەددېمىلەر كىمنىڭكى ئىكەنلىكى).
«قۇتادغۇبىلىك» يېزىلغان زاماندا قەشقەر ۋە ئونىڭغا تەۋە جايلاردا ئىسلامىيەت ئاساس سېلىپ، ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنسا، بۇ يەرلەردە ئەرەب ھەرپى بىلەن ئۇيغۇر ھەرپىنىڭ بىر قاتاردا يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي مۇمكىن ئەمەس. «قۇتادغۇبىلىك» تەقدىم قىلىنغان ھۆكۈمدار دەۋرىدە، يەكەندە يېزىلغان ھۆججەت ۋە مەھكىمە خەتلىرىدە ئۇيغۇر ھەرپى بىلەن يېزىلغانلىرى بولغاندەك، ئەرەب ھەرپى بىلەن يېزىلغانلىرىمۇ بار بولغان. گۇۋاھلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب ھەرپى بىلەن ئىمزا قويسا، بەزىلىرى ئۇيغۇر ھەرپى بىلەن ئىمزا قويۇشقان. ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بولسا، بۇ ھەر ئىككى ھەرىپتىن تولۇق خەۋەردار بولغانلىقى چوقۇم. بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئۇيغۇر ھەرپى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتى رەسمىي ئىلاۋىلەردە قايسى ھەرپنىڭ ئاساسىي ھەرپلىكىنى ئىسپاتلاشتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك يېزىقى» دەپ ئاتىغان «ئۇيغۇر ھەرپى» شۇ ۋاقىتتا تۈركلەر ئارىسىدا باشقا قوللىنىپ كەلگەن يېزىقلار بىلەن بىللە ئالاھىدە بىر يېزىق بولۇپ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان جايلاردىكى ھاكىملار يارلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھەرپى بىلەن يېزىلغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇي
غۇر ھەرپىنىڭ ھاكىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلىنىدۇ. ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ھۆكۈمران ئورۇنغا چىققانلىقى نامەلۇم. ئۇيغۇر ھەرپى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئالتۇن ئوردا، ئىران تەۋەلىرىدىكى دۆلەتلەردە 17 - ئەسىرگىچە، بەزى چاغلاردا ئىستانبۇلدا فاتىھ سۇلتان ۋاقتىغىچە قوللىنىلغان ئەھۋالغا قارىغاندا، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بۇغراخانغا تەقدىم قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھازىرچە توغرا. يۇقىرىقىلار رېشەت رەھمەتى ئاراتنىڭ مۆلاھىزىسى.
ئەمدى بىر قانچە ئالىملار بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدۇ. شۇ جۈملىدىن س. يى. مالوف: «مۇئەللىپ تەك ئاۋۋال ئۆز ئەسىرىنى ئەرەب ھەرپى بىلەن يازغان» دەيدۇ.
يەنە قاھىرە ۋە نەمەنگان نۇسخىلىرىدا شۇ زامان يادىكارلىقى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكىگە ئوخشاش فونېتىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بارلىقى بۇ دەۋردىكى نۇرغۇن باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئەرەب ھەرپى بىلەن يېزىلغانلىقىنى، شۇ دەۋردىكى ئەرەب يېزىقىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ھەرپى بىلەن كۆچۈرۈلگەن «ھېرات نۇسخىسى» نىڭمۇ 15- ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن ئەرەب نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكىگە قارىساق، ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلارنى كۆنۈرەك دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، مۇشۇلارغا قاراپ «مۇئەللىپ ئۆز ئەسىرىنى ئەرەب يېزىقىدا يازغان بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا «قۇتادغۇبىلىك» تە مۇنداق بىر بېيىت بار:
1953 بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىق تۇرۇر، بىلىك «لامى» كەتسە، بەگ ئاتى قالمۇر ①.
بۇ بېيىتتە شائىرنىڭ كۆرسەتكەن سۆز ئويۇنى ئەرەب ھەرپىگە خاس، شائىر بەگ ئېتى بىلىك بىلەن بىر، قارىمامسەن بىلىكتىن «لام» ھەرپىنى چىقىرىۋەتسە بەگ بولىدۇ. بەگكە «لام» نى قوشسا بىلىك بولىدۇ. دېمەك، بەگ بولۇشقا بىلىم كېرەك، بىلىم بولمىسا بەگ بولالمايدۇ دەيدۇ. ئەرەب ھەرپى بىلەن ئويناشقا بولىدىغان بۇ سۆز ئويۇنىنىڭ شائىر قەلىمى بىلەن ئەسەردە كۆرۈلۈشى «قۇتادغۇبىلىك» بىرىنچى قېتىم ئەرەب ھەرپى بىلەن يېزىلغان دېگەن پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
بۇ ماقالە ئىگىسى ھەم مۇشۇ پىكىرگە قوشۇلۇش بىلەن ئۆزى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق بىر مۇلاھىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
ئەسەرنىڭ ئەرەب ھەرپى بىلەن يېزىلغانلىقىنى ئىسلامىيەتنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئەللەرنىڭ تىلى، ئەدەبىيات، مەدەنىيەتلىرىگە تۇتقان ئاساسىي مەيدانى بىلەن
① «ل» ھەرپى ئەرەبچە «لام» دەپ ئوقۇلىدۇ. شائىر بۇ يەردە كونا ئىملا قائىدىسى بويىچە «بىلىك» سۆزىنىڭ «بىلىك» ئىكەنلىكى، «بەگ» سۆزىنىڭ «بەگ» ئىكەنلىكى يېزىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، «بىلىك» سۆزىدىن «ل» كەتسە، «بەگ» قالىدۇ، يەنى بەگ ئېتى بىلىم بىلەن باغلىقتۇر، بەگلەر بىلىملىك بولۇشى لازىم، دېمەكچى.
باغلاپ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەھلىل قىلىش زۆرۈر. چۈنكى، ئىسلامىيەت ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئىسلامىيەت مۇسۇلمان بولغانلاردىن ئەڭ ئاۋۋال تەلەپ قىلىدىغان نەرسىسى — ئېتىقادتا ئىسلام بىلەن بىر بولۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامىيەت كەڭلىك يېرىدە ئىدىيىنىڭ ئاساسى بولغان مائارىپ — مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، شائىر ئۆزى مۇسۇلمان تۇرۇغلۇق، دىندار مۇسۇلمان بىر خانغا قانداق قىلىپ ئۆز ئەسىرىنى مۇسۇلمان بولمىغان ۋاقىتتىكى ئەرەب يېزىقى بىلەن تەقدىم قىلالىسۇن؟! بۇنداق ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان كىتاب قانداق بىر مۇسۇلمان خاننى رازى قىلالايدۇ! شائىرنىڭ ئۆز ئەسىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەيدىغان غەيرى مۇسۇلمانلار ئىشلىتىدىغان ئەرەب يېزىقى بىلەن تەقدىم قىلىشى ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەگەر «مۇئەللىپ ئەرەب يېزىقىنى بىلمەيتتى» دېيىلسە، بۇ باشقا گەپ ئىدى. ھالبۇكى، ئەسەر ئىگىسى ھەر ئىككى خىل يېزىقنىڭ ئالىمى ئىدى. دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك» تۇنجى قېتىم ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان بولۇشى ھەر ھالدا ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن بۇ مەسىلىنى تا «قۇتادغۇبىلىك» نى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى يازغان نۇسخا تېپىلمىغۇچە ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
مۇئەللىپنىڭ تەپەككۇرى
بۇ ماقالە «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىش ۋە
ئۇنى چۈشىنىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يازغۇچىنىڭ تەپەككۇر مەيدانى بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ تەپەككۇر مەھسۇلى بولغان ئىجادىغا باھا بېرىش قىيىن.
بىز بۇ ئەسەر ئىجادچىسىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىنى چۈشىنىشتە يىپ ئۇچىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئىجادىي ئىچىدىن تېپىپ ئالالايمىز.
ئەسەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۆتەلىپ ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر، كىشىلىك بەخت - سائادىتىنى مەقسەت قىلغان بىر مۆتەپەككۇر، «پۈتۈن ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچى — ياخشىلىق قىلىش» دەپ بىلگەن؛ «كىشىنى سائادەتلىك قىلىدىغان نەرسە — بىلىم» دەپ چۈشەنگەن؛ «يۇرت، ئەل ئاۋاتلىقى — ئادالەت» دەپ تونۇغان؛ «ئادالەتنىڭ ئاساسى — توغرا قانۇن» دەپ بېكىتكەن؛ «ياخشىغا ياخشى، يامانغا يامان بولۇش كېرەك» دەپ ھېسابلىغان؛ ئىنساننىڭ كامىللىقى ئۇنىڭ ئالىملىقىدا دەپ مۇقەررەرلەشتۈرگەن؛ نادانلىقنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن، پۈتۈن ھۆرمىتىنى ئەقىلگە بېغىشلىغان، كىشىلەرنى ناچار خۇلقلاردىن توسقان؛ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقى — كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن چىقارغان خالىس باھا ۋە ھۆكۈملىرى دەپ تونۇغان؛ كىشى ئەبەدىي ھاياتقا ئۆزىنىڭ قالدۇرغان ياخشى ئىزلىرى بىلەن ئېرىشىدۇ، دېگەن ھەقىقەتنى چۈشەنگەن، ئۆزىمۇ بۇنى ھېس قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن بۇزۇلماس بىر ئابىدە — «قۇتادغۇبىلىك» نى قالدۇرۇشنى تەپەككۇر قىلغان؛ بۇھايات دۇنياغا ئالدىنىپ بولمايدىغانلىقىنى تو
تۇغان؛ شاھلارنى تىل نەيزىسى بىلەن سانجىيالىغان، ھەممىگە تەڭ شەپقەت قانۇنىنىڭ يېپىلىشىنى ئۈمىد قىلغان، كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسەتكەن، كىشىنىڭ ياخشىسى كىشىگە پايدىلىق بولغىنى، دەپ چۈشەنگەن. مۇشۇ نۇقتىلارنىڭ بارلىقى شائىرنىڭ پىكىر مەھسۇلاتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تەپەككۇرىمۇ گەلۆتتە شۇلاردىن ئىبارەتلىكى ئېنىق. مانا ئۇنىڭ بۇ خۇسۇستا يازغانلىرىنىڭ بەزىلىرى.
ياخشىلىق توغرىسىدا:
| كىشى مەڭگۈ بولماس، كى مەڭگۈ ئېتى، | 228 | | شۇڭا مەڭگۈ قالدى بۇ ياخشى ئېتى. | |
| ئې ياخشى ساڭا كىم تويار، ئېيت ماڭا، | 923 | | يېقىن كەل، مەن ئەمدى ئاچتۇرمەن ساڭا. | |
| يامانلىق بىلە كەلسە بەگلىك ماڭا، | 925 | | كېرەكمەس بۇ بەگلىك، قويارمەن ساڭا. | |
| ساڭا ئىككى دۇنيا گەر بولسا تىلەك، | 226 | | ئامالى ياخشىلىق ئېرىر ئەيلىمەك. | |
| ئەگەر ياخشى بولماق تىلىسەڭ ئۆزۈڭ، | 227 | | يۈرى، ياخشىلىق قىل، قوي تۈزكە سۆزۈڭ. | |
922 كىمدىكى يامانلاپ خارلار ياخشىنى، ئەي ياخشى، مەندىن خالاپ ئېستەيمەن سېنى.
924 ھەر قانچە خارلانسا ئۇ ياخشى كىشى، رىزامەن بولايىن ئۇنىڭ يولدىشى.
بىلىم توغرىسىدا:
260 جاھاندا نېمە بار بىلىمدىن قىممەت، بىلىمسىز دېسە ئەر ئۈچۈن بەكمۇ سەت.
313 بىلىم بايلىق ئول، كادايلاشمايدىغان، قاراچقى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان.
157 بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، داۋالانمىسا ئۇ تېزلا ئۆلۈر.
302 كىشى ئوغلى سۆندى قوپقۇر يەرگە قول، بىلىم بىرلە تاپتى ھەر نەرسىگە يول.
314 كىشىگە ئەقىل ۋە بىلىمدۇر كىشەن، يامانلىق قىلالماس ئەر كىشەن بىلەن.
توغرا قانۇن ھەققىدە:
3463 ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۈۋرۈك ئېرۇر، بۇزۇلسا بۇ قانۇن ئاسمان يىقىلۇر.
3464 يوق ئەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا، يەتتە قات زېمىننى بۇزاتتى خۇدا.
ياخشىغا ياخشى، يامانغا يامان بولۇش توغرىسىدا:
4310 سېنى سىز دېسەلەر، ئونى سىز دېگىل، ئۆنۈڭدىنمۇ ياخشى جاۋاب سۆزلىگىل.
4311 قىيا ياققۇسىدىن ① تۈۋەن بولمىغىل، سېنى سەن دېسەلەر، ئونى سەنلىگىل.
208 پۈتۈن ياخشىلىقلار بىلىم نەپى ئول، بىلىم بىرلە تاپتى مىسال كۆككە يول.
نادانلىق توغرىسىدا:
318 نادانغا يېقىندۇر بىلگەن - ئەتكىنى، يېتەر شۇ ئىككىنىڭ جەھەل - غەلىپى.
320 ئاقىلغا ئۆز ئەقلى ئەشلىككە ② يارار، نادانغا ئېتى بەس، قاغىش ياندۇرار.
① قىيا ياققۇسى — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئاۋازنىڭ تاغقا ئۇرۇلۇشىدىن چىقىدىغان ئەكس سادا. ② ئەش — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) يولداش، ھەمراھ.
ئەقىل توغرىسىدا:
| ئەقىلدۇر چىراغدەك قاراڭغۇ تۈنى، | 288 | | بىلىم — ئۇ يورۇقلۇق، يورۇتقاي سېنى. | |
| ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي، | 297 | | ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي. | |
| ئەقىلسىز كىشىدۇر يېمىشسىز ياغاچ، | 2455 | | نە قىلغاي يېمىشسىز دەرەخلەرنى تاچ؟ | |
تىل توغرىسىدا:
| سۆزۈڭنى كۆزەتكىن، بېشىڭ كەتمىسۇن، | 167 | | تىلىڭنى كۆزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن. | |
| ئېسەنلىك تىلىسەڭ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ، | 169 | | تىلىڭدىن چىقارما يارامسىز سۆزۈڭ. | |
| بىلىپ سۆزلە سۆز، بىلىم سانىلار، | 170 | | بىلىمسىز سۆزى ئۆز بېشىنى يەيۇر. | |
مەغرۇرلۇقتىن ساقلىنىش توغرىسىدا:
| ئىككى كۆنلۈك ئۆتكۈنچى دۇنيا كۆرۈپ، | 1535 | | نەچۈك كەردى كۆكسىن قىيا تاش بولۇپ. | |
| تەكەببۇرلۇقلا كۆككە چىقماس كىشى، | 2119 | | كىچىك دىل بولۇشلا بۇزۇلماس ئىشى. | |
شائىر ھەققىدە:
4393 قىلىچتىن ئۆتكۈرەك بۇلارنىڭ تىلى، قىلىچتىنمۇ نازۇكراق تەپەككۇر يولى.
4395 كۆرۈرسەن، دېڭىزگە كىرەر كىشىدەك، گۆھەر، ئۈنجۈ، ياقۇت چىقارۇر، دېمەك.
دۇنيانىڭ ۋاپاسىزلىقى توغرىسىدا:
4700 نېمە پايدا ئاخىر تولا بولسا تۇز، ساڭا تەگكۈسىدۇر پەقەت ئىككى بوز.
5176 ئەي ئېلىگ بۇ قەسر، بۇ ئوردا - ساراي، ساڭا تەگكەن پەقەت بىر تۇرالغۇ جاي.
5177 سېنىڭدىن بۇرۇنلار چۈشۈپ ئۆتتىلەر، تۇرالماي مەنزىلدە كۆچۈپ كەتتىلەر.
5183 بۇنى ئېيتادۇرسەن مېنىڭ دەپ مېنىڭ، نېچۈن دەيسەن ئانداق، نېچۈك تۇ سېنىڭ؟
(5184) سېنىڭدىن كېيىنكىلەر دەر ساڭا: «چىق!»، كىرمەكنى كۈتۈپ دەر: «مېنىڭدۇر مېنىڭ».
(رۇبائىي)
شاھلارنى تىل نەيزىلىرى بىلەن سانجىشلىرى، شاھقا خىتابى:
3745 ساڭا بەردى دۇنيا، دە رىغ ئۆلمىدى، سېخى ئۆزۈڭگە مەن ساڭا بەرمەسەمدى؟
3748 ساڭا يا سېنىڭ ئىشىكىڭگە بېرىپ، نېمىنى تىلەرمەن ھاياتنى بېرىپ؟
3749 خۇدانىڭ قۇلى بىز ھەر ئىككىلىمىز، بۇ قۇللۇقتا ئوخشاش مەرتىۋىدە بىز.
3750 قۇل قىلسا قۇلغا قۇللۇق ياراقسىز بولۇر، خىزمەتچىگە خىزمەت قەدىرسىز بولۇر.
كىشىنىڭ ياخشىسى كىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا:
3930 بويان كەل، نەپى بەھر كىشىگە، يارا، نەپىسىز ئۇلۇغ ئول تىرىكلەر ئارا.
3931 ئۆز نەپىنى دېگەنلەر ئادەم بولۇرمۇ؟ ئەل نەپىنى دېسە كىم چىن كىشىدۇر ئۇ.
2573 گەر ئازغان پايدىلىق، ئونىڭ مەن قۇلى، ئەگەر گۈل زىيانلىق، كېسەرمەن غۇلى.
2575 قېرىنداش كۆيۈمسىز بى نەپ ئولسا، قوي، ئاداش تۇت نەپىلىكنى، نەپى ئىلە توي.
2574 كۆيۈمسىز، نە پىشسىز تۇغۇلدىن كۆرە،، كۆيۈمچان، نە پىشلىك خىزمەتچى تۆرى.
4509 ئوغلۇنى بىكار - بوش يۈرمە سەن قويۇپ، بىكارچى بولۇر ئۇ لاغايلاپ يۈرۈپ.
ۋاپا توغرىسىدا:
2197 ئېسىل زات كىشىنىڭ خۇيى - پەيلى سىلىق، ۋاپا بىرلە خەلققە ئاچار ئۇ ئىشىك.
(2198) ئېرىشسىز قىلىقى ۋاپاسىز، جاپا، بېرىپ باقسىمۇ ئۇڭا شېكەر ھەم يىلىك. (رۇبائىي)
«قۇتادغۇبىلىك» قانداق ئەسەر؟
ئەگەر «قۇتادغۇبىلىك» نى تۈرى ياقىدىن، نەزەرىي شەكىل ياقىدىن، مەزمۇنى (ئىككىلىك) مەزمۇن ياقىدىن نوقۇل دىداكتىك داستان دەپلا تۇتۇپ كەتكىلى بولسا، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئاسان بولغان بولاتتى. لېكىن مەسىلە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى «قۇتادغۇبىلىك» - ياكى ئۆز دەۋرىنىڭ بايانى بولغان تارىخ، ياكى ئورۇن ۋە تاغ - شەھەرلەرنى سۆزلەيدىغان جۇغراپىيە ئەمەس؛ ياكى دىنىي تەسەۋۋۇپلارنىڭ پائالىيىتىنى توپلىغان خاتىرە كىتابى، ياكى ھېكمەتلەرنىڭ پىكىرگە تايانغان پەلسەپە يىغىندىسى ئو ياكى شەيخلەرنىڭ پەندى - نەسىھىتى ئەمەس.
سېھىتلىرىنى يەتكۈزىدىغان نوقۇل نەسىھەتنامە ئەمەس.
ئۇ، كۆرۈنۈشتە بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ تىپىك نەمو- نىسى، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەدەبىي ئەسەر، لېكىن تىپى- پىيە ئەمەس. ئۇنىڭدا كۈچلۈك لىرىزم روھى بار، لې- كىن نوقۇل لىرىك داستان ئەمەس. ئۇنىڭدا دىراما تېپىپ- مېنتلىرى مەۋجۇت، لېكىن دىراما ئەمەس. شۇنىڭدەك ئۇ تار مەنىسى بىلەن دىداكتىك داستانمۇ ئەمەس. چۈن- كى بۇ ئەسەردە شۇنداق مەزمۇنلار، ھەقىقىي ھاياتقا باش- لايدىغان يوليورۇقلار، قەتئىي تەكلىپلەر، پەلسەپىۋى تە- پەككۈرلەر مەۋجۇتكى، بۇ مەۋجۇدىيەت ئۇنىڭغا «دى- داكتىك» سۆزىنى بىز قوللىنىۋاتقان مەنا بىلەن قوللى- نىش ئىمكانىيىتىنى بەرمەيدۇ. چۈنكى، ھازىر بىزدە «دى- داكتىك» سۆزى نوقۇل ئۆز - نەسىھەت خاراكتېرىدىكى «شاھ مەشرەپ»، «قۇل خوجا ئەھمەد»، «زەلىلى دى- ۋانى» غا ئوخشاش ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە ئىشلىتى- لىۋاتىدۇ. ئەگەر «دىداكتىك» سۆزىنى تەلىم - تەربىيە توقۇمى بىلەن بۇ ئەسەرگە يۈرگۈزۈلسە قىسمەن مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭدا باشقا نۇرغۇن ئېلېمېنتلار بىلەن تەلىم - تەربىيەۋى ئېلېمېنتلار ھەم مەۋجۇت. «قۇتادغۇبىلىك» تە ھاياتى كۆچكە ئىگە شۇ قەدەر رېئال كۆرسەتمىلەر، ئالىي تىلەك - غايىلەر باركى، ئۇ ئۆز - نەسىھەت دائى- رىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ چىقىپ كەتكەندۇر. مەسىلەن ئالايلى. ئادالەت ۋە ھەربىيلىك توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى،
765 ئېلىك ئولتۇرۇپ يالغۇز بىر كۈنى، زېرىكتى ۋە قىلدى خالى ئۆيىنى.
766 بۇ ئايتولدىنى قىچقىرىپ بەردى يول، بۇ ئايتولدى كىردى، قوۋۇشتۇردى قول.
767 ئۇ تۇردى ئېلىكنىڭ ئۇدۇلىدا تىك، ئولتۇردى سۆزلىمەي بىرمەھەل ئېلىك.
768 قاراپ بىردەم ئېلىك، كۆزىن ئىمىلىدى، ئىشارەت بىلە كەلگىن، ئولتۇر، دېدى.
769 بۇ ئايتولدى ئولتۇردى تېپ - تىنچ، كېلىپ، يۇرۇپ كۆڭلى، كۆزنى يەرگە تىكىپ.
770 ئېلىككە يۈگۈرتتى يوشۇرۇنچە كۆز، تۈرۈلگەن قاش - قاپاق، پۈرۈشتۈرمە يۈز.
771 كۈمۈش كۇرسى ئۈستىدە جىم ئولتۇرۇر، بۇ كۇرسىنىڭ پۇتى ئۈچ، چىپتىقسىز تۇرۇر.
772 قولىدا تۇتۇغلۇق يۇغان بىر پىچاق، شېكەر ئوڭىدا، سولدا تۇراغۇن① بىراق.
773 كۆرۈپ قورقتى ئايتولدى، ئاشتى غېمى، ئۇنى باستى تىترەك، كېسىلدى دېمى.
① تۇراغۇن — ھىندىستاندىن چىقىدىغان بىر خىل ئاچچىق (زەھەرلىك) ئۆسۈملۈك.
774 ئېلىگ باش كۆتەردى بىرئازدىن كېيىن، دېدى ئايتولدىغا: قېنى سۆزلىگىن.
775 نېچۈك سۆزلىمەيسەن گاچادەك بولۇپ، مېنى مۇندا يالغۇز بۇ ياشلىغ كۆرۈپ.
776 بۇ ئايتولدى ئېيتتى: ئەي ساھىبقىران، سۆزلەشكە مادار يوق مەندە بۇ زامان.
777 كۆرۈرمەن بۇ كۈن سەندە يات ھال تۈزۈم، تەيمەندىم ئەي ئاقىل، شۇڭا يوق سۆزۈم.
785 ئېلىگ ئېيتتى: كەلگىن ماڭا ئېيت سۆزۈڭ، نېمىشقا تېڭىرقاپ تۇرۇرسەن ئۆزۈڭ؟
786 بۇ ئايتولدى ئېيتتىكى، ھەيرىتىم مېنىڭ، نېچۈندۇر كۈمۈش كۆرسى ئورنۇڭ سېنىڭ.
787 بۇ كۆرستا ئولتۇرۇش نالايىق ساڭا، ئۇنىڭ مەنىسىنى دېگىن سەن ماڭا.
788 ئىككىنچى، قولۇڭدا پىچاق نە دېمەك، بۇنى ھەم ياخشىراق بىلىشىم كېرەك.
789 ئۈچىنچى، ئوڭۇڭدا نېمىشقا شېكەر، سولۇڭدا تۇراغۇن، نە مەنا بېرەر؟
790 سېنى مەن غەزەپلىك شۇ ھالدا كۆرۈپ، يۈتتۈردۈم بىلىنىم تامام تۇنۇتۇپ.
799 بۈگۈن كۆرسەتتى مەنمۇ ئەمدى ساڭا _ قىلىق، ئەردىمنى، قاراپ تۇر ماڭا.
800 ئادالەت ۋە قانۇن تۈزۈم مەن، قارا، قانۇننىڭ ۋەسىپىنى بولاردىن سورا:
801 مۆنۈ مەن ئولتۇرغان بۇ كۆرسىگە باق، ئەي كۆڭلۈم توقى، بار ئوندا ئۈچ ئاياق.
802 پۈتۈن ئۈچ ئاياقلىق قىشقايمۇس بولۇر، تۇرۇر ئۈچ پۇتى ھەم قايماس بولۇر.
808 مېنىڭ ھەم قىلىقىم ئېگىلمەس ئېرۇر، ئېگىلسە دۇرۇسلۇق، قىيامەت بولۇر.
809 قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەم ئىشنى، ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشنى.
810 بۇ خەنجەر _ پىچاقىم، قولۇمدا تۇرۇر، پىچار ھەم كېسەر بىر قورال، ئەي غەيۇر.
811 پىچاقدەك كېسەرمەن پېچىپ ئىشنى، ساقلاتماي دەۋاغا كەلگەن كىشنى.
812 شېكەر شۈكى، بېرىم زۇلۇم يەتتى دەپ ئىشىكىمگە كەلسە ئادالەت تىلەپ،
813 شېكەردەك لەززەتلىك يانۇر ئۇ كىشى، سۆيۈنۈپ ئېچىلۇر يۈزى ھەم قېشى.
814 بۇ تۇرغان تۇراغۇن شۇنداقلار ئۈچۈن، كى زورلۇق ئىشلىتىپ، ئەدەلدىن كېچەر.
816 بۇ قاشىم تۇرۇكى، بۇ كۆركىسىزلىكىم زۇلۇم قىلغۇچىغا بۇ يۈزسىزلىكىم.
817 كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم، يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىرەر قونۇقۇم.
818 ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا.
شائىرنىڭ جەڭ ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قاراپ باقايلى:
2309 كېرەك بۇ قانچە ئىش قوماندان ئۈچۈن، يۈرۈش قىلغاندا ياۋغا، تۈزەپ يول - يوسۇن.
2311 تۈزگۈز كەبى تەرسا، بۆرىدەك كۆچى، ئېيىقتەك ئېتىلغاق، قۇتۇزدەك تۇچى.
2312 ئو بولسۇن ئېلىنگەر قىزىل تۈلكىدەك، ئادائەتچى بولسۇن بۇغرا تۆكۈدەك.
2313 سېغىزخاندىن سەگەكرەك بولسۇن ئۆزى، كۆرسە قىيا قۇزغۇندەك يىراقنى كۆزى.
2314 قارام بولسۇن ھەممىتىن ئو ئارسلان، كېچىسى ھۆقۈشتەك ئويغاق ھەر زامان.
2333 قوشۇن سانى كۆپ بولسا باشسىز بولۇر، قوشۇن بولسا باشسىز يۈرەكسىز بولۇر.
2334 سىناغان بىر ھەربىي قىياسەن دېمىش، ئون ئىككى مىڭ ئەرلىك قوشۇن كۆپ ئىمىش.
2342 كېرەك چارلىغۇچى قىسم خىلمۇماق، قولاق - كۆزنى ساقلاپ، يىراق قارىماق.
2348 غەپلەتتە قالمىسۇن، بولسۇن ئو ھوشيار، غاپىل بولسا، دۈشمەن زىيانلار تۇرار.
2349 يېقىنلاشسا ياۋغا دېرەك ئېلىپ، قارار گاھ قورسۇن ئو ئوت - سۇنى كۆرۈپ.
2355 كېرەك ياۋ يوقاتماققا ئىككى قورال، بۇ ئىككى قورالدىن كۆرەر ياۋ زاۋال.
2356 ئەڭ ئاۋۋال كېرەك تۇر ھېلىمنىڭ ئۆزى، ياۋ ئالدانغىندىن قىزارسۇن يۈزى.
2357 ئىككىنچى، سەگەكلىك - ئويغاقلىق ئېرۇر، كىم سەگەك، ساق بولسا، ئۇ ئۈستۈن كېلۇر.
2376 ئەڭ ئاۋۋال يىراقتىن ئوقىن ئاتقۇلۇق، يېقىنلاشا نەيزە بىلەن تېقىلۇق.
2377 كىرىشكەندە پالتا، قىلىچ بىلەن چاپ، ياقادىن تۇت، چىشلە، تىرناقتا تاتلاپ.
2380 كېلىن قىز سۆيۈنچى نىكاھ - توي كۈنى، باتۇرنىڭ سۆيۈنچى جەڭ قىلغان كۈنى.
2381 سۈرەر ئالغا لەشكەر باتۇر ئات چېپىپ، لاچىن قۇش ئالوردەك تۆكەر ياۋ قېنى.
شائىرنىڭ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدە ئادالەت ۋە ھەربىي ئىشلارنى قانداق ھەقىقىي سۈرەتلەپ بېرىش كېرەكلىكى بويىچە - نەسىھەت تېزىمىلا بولماي، بەلكى پەلەسەپىۋى تەپەككۇر، رېئال ھايات، جانلىق ئوبراز، ھەقىقىي پىلان ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەڭ نازۇك ۋە مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» سان - ساناقسىز، تۈرلۈك رەڭدىكى قىممەتلىك
ك لىجاۋاھىرات بىلەن تولغان بىر خەزىنەدۇركى، بۇ خەزىنە تاماھىچىلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆزى ياقىتۇرغان جاۋاھىرات بىلەن ھەميانلىرىنى تولدۇرۇپ چىقىپ كېتىۋېرىدۇ كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتكە سازاۋەر. بۇمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قىممەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. قىسقىسى «قۇتادغۇبىلىك» — نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كىشىنى زاھىرى ۋە مەنىۋى كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئەڭ بۈيۈك بىر قامۇستۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشىغا نېمە تۈرتكە بولغان؟
بۇ ئەسەرنى يېزىشقا شائىرغا ھېچبىر ھۆكۈمدار ياكى بىرەر شەخس تەرىپىدىن بۇيرۇق، تىلەك قىلىنغانلىقى ياكى بىرەر دوستىنىڭ ئىلھاملاندۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇنداق بولسا، بۇ بۈيۈك ئەدىبنى ئۆزى ئېيتقاندەك: ئاقار بېشىغا كافۇر سېپىلگەن، ئەرغۇۋان گۈلدەك قىزىل يۈزىگە زەپىران سۈركەلگەن، قېيىندەك مۇستەھكەم تۈز قامىتى يادەك پۈكۈلگەن، يەنى ياشانغان چېغىدا بۇنداق زور مۇشەققەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا نېمە مەجبۇر قىلغان ئىدى؟
شائىرنى بۇنداق سۆزلەشكە مەجبۇرلاپ تۈرتكە بولغان بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىدىن قاتتىق نارازىلىقى. شائىر بۇنى ئاشكارا سۆزلىمەيدۇ ھەم سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ شائىرنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى سىياسىي ئىجتىمائىي ئەھۋالدىن نارازىلىقى؛ چۈنكى ھەممە
كىشىنىڭ ياخشى ئىنسان بولۇشىغا بولغان تەلەپمۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەزىلەتلىك، بىلىملىك بىر ئىنسانلار توپى بولۇش ئارزۇسى؛ ئادالەتلىك ھاكىمىيەت، ئاسايىشتا ياشايدىغان مەرىپەتلىك خەلق، قوي بىلەن بۆرە بىر جايدىن سۇ ئىچىدىغان تىنچ بىر ئىجتىمائىي ھايات تۈزۈمى قۇرۇلۇش؛ نادانلار يوقىلىش، ئالىملار كۆپىيىش، شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ياخشى ئىشلار يولغا قويۇلغان بىر دەۋرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان.
كىتاب يېزىلغان ۋاقىت قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ 180- يىلىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىت قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ تەرەققىيات، بىلىم - مەرىپەتتە تازا ئۆركەچلەپ چىققان دەۋرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ دەۋرلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقىرىدەك زور كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى كۈندە ئىچكى تەرەپتىن چۈشكۈنلىشىپ، پارچىلىنىشقا قاراپ يۈز تۇتقان؛ بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش، ئۆزئارا ئۇرۇش - جېدەللەر كۆپەيگەن ۋە دۆلەتنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقان بىر ۋاقىت بولغان. پەيلاسوپ شائىر بۇ يامان ئاقىۋەتنى ئالدىن ھېس قىلغان، لېكىن ئوچۇق سۆز بىلەن ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، بىر غايىۋى دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئوبرازىنى سىزىپ چىققان، شائىرنىڭ مۇشۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى ئىچكى ئامىل ۋە تۈرتكىسىنى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى قەسىدىسى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ:
6565 قوپاي مەن، ماڭاي مەن، جاھاننى كېزەي مەن، جاھاندا ۋاپالىق ئېسىل كىشى تاپاي مەن.
6566 كىشى قىسلىقى بولدى، ئىستەي قەدەردىن، تىلەپ تاپقانى بولسا، ئىستەپ كۆرەيمەن.
6567 جىمى ئارزۇ تاپتىم، كىشى تاپمىدىم مەن، بۇ ئارزۇنى تاپسام، يۈزىگە باقاي مەن.
6568 ۋاپا قەھەتى بولدى، جاھانغا تولۇپ جەۋر، ۋاپا كىمدە باركىن، مەن ئازراق تىلەيمەن.
6569 ئەگەر تاپسام ئەردى ۋاپالىق سېخى ئەر، يۇدۇپ ئونى يەلكەمدە، كۆزگە سۈرەيمەن.
6570 ئەگەر تاپمىسام مەن ۋاپادار كىشىنى، ياۋايى كىيىك بىرلە ئۆمۈر سۈرەي مەن.
6571 يېمەك ئوت كۆكى بولسا، يامغۇر سۈيى بەس، قىلىپ قۇمنى تۆشەك، تاغار تون كىيەيمەن.
6572 بولۇپ ياكى ۋەھشى، باياۋاندا يۈگۈرۈپ، كىشىدىن يىراقلاپ، جاھاندىن يۈتەيمەن.
6573 بۇ ھەم بولمىسا گەر، بۇ دۇنيانى تاشلاپ، ئېقىندەك ئاقاي مەن، شامالدەك ئۇچاي مەن.
6574 ئىگەم، مۇڭغا چۆمدۈم، ۋاپاسىزغا ئۇچراپ، ۋاپالىق كىم بولسا، شېرىن جان بېرەي مەن.
6575 كىشى ئاتى قالدى، يوقالدى كىشىلىك، قايان كەتتى كىشىلىك، كېيىندىن باراي مەن.
6576 قەدىردان، جاھاندا كۆيۈمچان كىشى يوق، كۆيۈمسىزگە كۆڭلۈمنى قانداق ئۇلاي مەن.
6577 كۆزۈمدەك يېقىن كۆرسەم مەن كىمنى ئۆزگە، شەيتاندەك ياد بولدى، ئونى نە قىلاي مەن.
6578 كىمنى سۆيدۈم ئەرسەم، شېرىن جانچە تۇتتۇم، جاپا كەلدى ئوندىن، كىمنىمۇ سۆيەي مەن.
6579 كىشى كۆڭلى بىلمەككە گۇۋا ئىدى تىل، كۆڭۈل، تىل ئالا بولدى، كىمگە پۆتەي مەن.
6580 بۇ كۈن مۇندا كىمنى قىلاي ئۆزگە ھەمرا، پۆتۈپ كىمگە ياكى كىمنى دوست تۇتاي مەن.
6581 بىرى كىمگە كۆڭۈل، مۆڭۈم كىمگە ئېيتىي، مەن مۇڭلاندىم ئەمدى بىر ئاز مۇڭ تۆكەي مەن.
6582 ئاداش - يولداشىمدىن ئۈمىد تاپمىدۇم مەن، قايان قىلسى ياتتەك، نېچۈك تىل ئاچاي مەن.
6583 ئەگەر ئانت بىلەن بولسا ئىشەنچ، ئىشەنچلىك، بۇ ئانتنى تۇتقۇچى كىم؟ ئونى ئەز ئاتاي مەن.
6584 ئۆزۈ - ئانىنىڭ ھەققىنى ساقلىغۇچى بارمۇ؟ كۈمۈش، جەۋھەر، ئالتۇن بىلەن غەرق قىلاي مەن.
6585 قېنى، غەم - سۆيۈنچىكە ھەمرا قوشنا - خولۇملار، بېرىپ بارلىقىمنى، مەن ئۆيدىن چىقاي مەن.
6586 ئاداش - يولداشمىدىن كىمىم بار ئىشەنچلىك، ئۇنى مەن قىلىپ بەگ، ئۆزۈم قۇل بولاي مەن.
6587 كىشى تاپمىدىم مەن، مۇڭلاندىم يالغۇز، سېزىپ كەتتىم غەمدە، سۆيۈنۈپ كۈلەي مەن.
6588 بۇزۇلدى نېچۈن خەلق، نىزامنى ئېتىپ تەرىك، نېچۈك بىر زامانغا قالدىم، قايان كېتەي مەن.
6589 يا تەلۋە، يا ئەخمەق بولۇپ، ئاينىدىم مەن، نېمە سۆزلەيدىم مەن، سەن ئېيتقىن، ئوقاي مەن.
6590 يا سەۋدا كۆچۈپ بۇزۇلغانمۇ مېھەم، كۆرۈنىدۇ كۆزگە شۇنداق، دورا ئىچەي مەن.
6591 ماڭا دۇچ كەلدىمۇ يا شۇنداق كىشىلەر، ئۆزۈم ياكى تەنتەكمۇ، بۇندىن ياتايمەن.
6592 ئابادىن قويۇپ ئات ئۆتكۈچىلەر قېنى، قېنى ئۇلار؟ ئەپسۇس، مەن بىر ماختاي مەن.
6593 ئۇلار قويغان قانۇن، يوسۇن، قىلىقلارنى - بۈگۈن كاشكى كۆرسەم ئىدىم، خۇش بولاي مەن.
6594 يا بولمىسا تۈزسۇن يوسۇن، قىلىق، قانۇن، بىلىم تۆركە ئۆتسۇن، جاهىلنى سۈرەيمەن.
6595 جەمئى ياخشى كەتتى، يوسۇن - قانۇنمۇ ھەم، رەزىل قالدى، ياخشىنى نەدىن تاپاي مەن.
6596 بويى بارنىڭ جەمئى گەر بولسا ئىنسان، پەرىشتە ئىدىمۇ ئۇلار، نە بىلەي مەن.
6597 ئۇلار كەتتى، قالدىم بۇلار بىرلە ئۆزۈم، نېچۈكمۇ يۈرەي مەن، نە ئىشقا ياراي مەن.
6598 نېچە سۆزلىسەم مەن تۈگىمەس يەنە سۆز، قىلاي بەس، سۆزۈك بارمۇ، ئەمدى كېتەي مەن.
6599 تاپالمىدىم مۇندا ئۆزگە ياخشىلىقنى، شەھەر - يۇرتنى تاشلاپ، كىشىدىن قاچاي مەن.
6600 ئاتىم بىلىمسۇنلەر، مېنى كۆرمىسۇنلەر، تىلەپ تاپمىسۇنلەر، سۆزۈمنى كېسەيمەن.
6601 چاياندەك چاقۇرلار، چۆجەندەك شۇرارلەر، ئىتتەك قاۋارلەر، قايسىنى ئۆراي مەن.
6602 ئەلەم يەتتى ماڭا بۇ جاھىللار ئارا، پۇشايماندا كۈن - تۈن نېچۈك يۈك يۈدەي مەن.
6603 ماڭا كەلمىسۇن ھەممە جەبر - جاپالار، بۇ گۇستاخ، پەسلەردىن يىراقراق تۇراي مەن.
6604 ئىلاھا، نېسىپ قىل ئو سۆيۈملۈك رەسۇل، ۋە تۆت يار دىدارىنى مەن بىر كۆرەي مەن.
شائىرنىڭ ئۆز زامانىسىدىن قاتتىق زارلانغانلىقى مانا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئۆز قەلبىدىكى ئېچىنىشلىق ئاھ - زارلىرىنى ۋە تىلەك - ئارزۇلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن غايىۋى بىر دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۆھۈم ئوبرازىنى يارىتىپ، شاھتىن تارتىپ بارلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى ۋە جەمئىيەتنى غايىۋى شاھ - كۆنتۇغدىنى ماختاش نىقابى ئاستىدا تەڭقىد نەيزىسى بىلەن سانجىغان، يەنى «مۇشۇنداق دۆلەت ۋە جەمئىيەت بولۇش كېرەك ئىدى … لېكىن، سىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە …» دېگەن تەڭقىدنى ئالقىشقا سازاۋەر دۆلەت يارىتىش ئوبرازى ئارقىلىق شۇنداق دانىشمەنلىك ۋە ماھارەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانكى، شاھ ۋە ئۇنىڭ ئەربابلىرى يازغۇچىدىن ئاغرىنىشقا، ئاداوەت تۇتۇشقا ئويلاپ يېتەلمىگەن. ئەكسىچە، ئۇنى تەقدىرلىگەن. دېمەك، بۈيۈك ئەدەبىي بۇ ئەسەرنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۈبھىسىزكى مانا شۇدۇر.
قەشقەرلىق ئىككى ئۇيغۇر ئالىمى نېمە ئۈچۈن تونۇشۇمىدى؟
11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر - ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ زور ئىقتىدارلىق ئىككى بۈيۈك پەرھەنت تۇغۇپ، بۇلارنى ئىككى بۈيۈك ئالىم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ ئىلىم دۇنياسىغا تەقدىم قىلدى.
ئۇلارنىڭ بىرى - يىراق ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى، سەنئەت ماھىرى، ئەدىب، پازىل ئالىم، ئەخلاق، ئادالەت ۋە بىلىم ھامىسى، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ مەشھۇر ئەربابى، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ. ئىككىنچىسى بولسا ئۇيغۇر ئالىمى، تىل مۇتەخەسسىسى، مىللىي تىل تەتقىقاتچىسى، بۈيۈك ئىلمىي قۇدرەتكە ئىگە مەشھۇر ئىلمىي ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى، پەرھەنسى (شاھزادىسى) مەھمۇت قەشقەرىدۇر.
بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ھاياتى ئاساسەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەردە ئۆتكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇ خانلىق ئىچىدە بىر ئەرباب بولۇش بىلەن بىللە «قۇتادغۇبىلىك» نى قەشقەردە يازغان. مەھمۇت قەشقەرى - قەشقەر ئوپاللىق بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىچىدىكى بىر شاھزادە ئىدى. ھەر ئىككىسى بىر يۇرتتا، بىر ۋاقىتتا ياشىدى. ئەسەرلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا يازدى. ئىككى ئالىمنىڭ ياشانغان ۋاقتى بىر بولۇش
بىلەن ئەسەرلىرىنى يېزىشقان ۋاقىتلىرى ئىككى يىلدىن ئالتە يىلغىچىلىك ۋاقىت ئىچىدە. لېكىن بۇ ئىككى زور ئالىم بىر - بىرىنى پەقەت تونۇشمىغان، ئەجەبا!…
بۇ مۇمكىنمۇ ئاخىر؟…
ياق!
بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا بار. بۇلار نېمە ئۈچۈن تونۇشمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىنى قەشقەردە يېزىپ، قەشقەردە قاراخانلار سەلتەنىتى تەختىدە ئولتۇرۇشلۇق تاغىغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قارا خان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلان قاراخانغا تەقدىم قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شاھزادە مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان» نى باغداتتا خەلىپە ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلىدۇ؟
مۇشۇ ھاللارنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئىككى ئالىمنى بىر - بىرىدىن ئايرىغان، تونۇشماس قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان نەرسە شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ھاياتىدىن ئىبارەت. چۈنكى، شۇ دەۋرلەردە قاراخانلار سۇلالىسى ئىچىدە بۆلۈنۈش، بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش، زەھەرلەش، تەرەپبازلىق، كۆرەلمەسلىك كۈچەيگەن، ئۆزئارا ئىچكىرىلەپ ئەۋج ئالغان بىر زامان بولۇپ، بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن. بۇ ئىككى ئالىمنى ھايات ئېقىمى سۆرەپ بېرىپ، ھەربىرىنى بىر گۇرۇھقا مەنسۇپ قىلىپ قويغان. ئەۋج ئالغان سىياسىي كۆرەش ئاخىر بېرىپ مەھمۇد قەشقەرىنى باغداتقا بېرىشقا مەجبۇر قىلغان. يۈسۈپ قەشقەردە قالغان. ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىككى ئالىمنى بىر - بىرىنى تو
تۇمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ھال ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق ھادىسىلەردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى تارىخ تاشلىرىغا چۈشۈنۈشلۈك. دېمەك، ئىككى ئالىمنىڭ بىر - بىرىدىن چەتلىشىشلىرى مانا شۇ بولسا كېرەك.
«قۇتادغۇبىلىك» ۋە شېئىرىيەت
قىممەتلىك ئۆنچىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئەدەب - ئەخلاق دەرسلىكى، پەزىلەتلەرنىڭ قامۇسى، ئەستېتىك بىر ئەسەر بولۇشى بىلەن بىللە بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ كونا ئەۋرىشكىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت دۇنياسىدىكى ئورنى تولىمۇ زور.
مەلۇمكى، شېئىر (تۇيغۇ) — ئۆزىنىڭ شۇئۇرلۇق (تۇيغۇلۇق) بولۇشىدا، يەنى يۈرەكنىڭ تۇيغۇ تارىلىرىنى تىترىتىشتە… شائىرلىق (تۇيغۇچى) — ئۆزىنىڭ شۇئۇرلۇق (تۇيغۇلۇق) سۆز يارىتىشىدا. شېئىر — بىزنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچەملىك، قاپىيىلىك، تېزىم قويۇلغان سۆزلەرگە ئېيتىلغان بىلەن ئۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى تۇيغۇدۇر. شۇڭا يۈرەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە سۆزلەر شېئىر دېيىلىدۇ. شائىر دەپ شۇنداق سۆز يازغۇچىغا دېيىلگەن بىلەن، لۇغەت مەنىسى تۇيغۇچى دېمەكتۇر. شائىر بولغاندا شۇئۇرلۇق (تۇيغۇلۇق) سۆز يازىدۇ. تۇيغۇلۇق سۆز يازالمىغاندا شائىر بولالمايدۇ. شېئىر يېزىش
مۇمكىن، لېكىن شۇئۇرۇلۇق (تۇيغۇلۇق) شېئىر يېزىش قىيىن. شائىر دېيىش ئاسان، لېكىن يۈرەكلەرنى ھاياجانغا سېلىپ قوزغىتالايدىغان شائىر بولۇش تەس.
دۇنيادىكى مەشھۇر شائىرلار شېئىرلىرىنىڭ ئۆزۈن ئۆمۈر كۆرۈشى — ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ شۇئۇرۇلۇق (تۇيغۇلۇق) بولغانلىقىدا ۋە ئۇلارنىڭ تۇيغۇلۇق شېئىر يازالغانلىقىدا.
بۈگۈنكى يۈسۈپ مانا شۇنداق شۇئۇرۇلۇق (تۇيغۇلۇق) شېئىر يازغان شائىرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ ئىجاد قىلغان «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 1000 يىللار ئۆتۈپ، يەنى قولدىن قولغا سېتىلىپ كېلىشى بۇ شۈبھىسىز ئەسەرنىڭ كىشىلەر شۇئۇرىنى (تۇيغۇسىنى) ئۆزىگە تارتقان، بەدىئىي ئۇسلۇبتىكى شېئىرىيەت ماھارىتىدۇر. ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق بۇ شۇئۇر (تۇيغۇ) دېڭىزىگە چۆمۈپ، تۆۋەندىكى تۇنجىلارنى كۆرگەن ۋە بۇ گۈللۈكنى ئارىلاپ ئۇنىڭدىكى تۈمەن رەڭلىك چېچەكلەرنى تاماشا قىلىپ ھىدلىرىنى پۇرىغان ھەر بىر كىشى ئۆزىدە ئىختىيارسىز بىر مەپتۇنىيەت ھېس قىلىدۇ، يۈسۈپنىڭ «بۇغراخان خاقان بولدى» دېگەن مەدھىيەت بايانى ئۈچۈن يازغان تۆۋەندىكى شائىرانە شۇئۇرۇلۇق (تۇيغۇلۇق) شېئىرلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى، نېمىلەرنى ھېس قىلدۇرۇندىكىن قېنى!…
- ئېسىپ كەلدى شەرقتىن باھارنىڭ يېلى، بېزەشكى جاھان ئاچتى جەننەت يولى.
64 قۇڭۇر يەر ئىپار تولدى كافۇر كېتىپ، بېزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ.
65 جاپا قىشنى قوغلار يازغى ئېسەن ①، پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىپ.
66 قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا، بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرۇنغا.
67 قۇرۇغان ياغاچلار كىيىندى يېشىل، بېزەندى يىپۇن ②، ھال، سېرىق، كۆك، قىزىل.
68 قۇڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورغۇنى، تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى.
69 دالا، تاغ، قىر، ئويمان تۆشەندى يىپەك، بېزەندى ۋادىلار يېشىل، ھال كىيىپ.
70 تۈمەن رەڭ چېچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ، ئىپار، كافۇر ھىدىغا دۇنيا تولۇپ.
71 ئېسىپ تاغ شامالى قەلەمپۇر پۇراق، ئىپار بويىغا تولدى دۇنيا بېراق.
① ئېسەن — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) شامال. ② يىپۇن — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) توق قىزىل رەڭ.
72 غاز، ئۆدەك، قىل، ئاققۇ خۇشاللىق بىلەن قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقىرى - تۆۋەن.
73 ئەنە كۆر، بىرى قونسا، ئۇچار ئۇ بىرى، بىرى ئۈزسە ئويناپ، ئۈچەر سۇ بىرى.
74 تىزىلغان تۆگەدەك كۆكۈش ① تۇرنىلار، ئۇچار، يەپۇنەر ھەم ئۈنۈن ياڭرىتار.
75 ئۇلاي قۇش سايرىدى ئۆندەپ يولدىشىن، گۈزەل قىز قىچىرغان كەبى سۆيۈمىشىن.
76 قاقىلدادى كەبلىك، كۈلۈپ قاتتارا②، قىزىل ئاغزى قاندەك، قېشى قاپقارا.
77 قارا قۇچقاچ ئۆتتى سىتا تۇمشۇغىن③، ئۇنى نازىنىن قىزنىڭ ئۈنىگە يېقىن.
78 چىچە كىلىكتە مىڭ خىلدا بۇلبۇل ئۈنى، ئوقۇر سۇرى ئەبرنى④ كۈن ھەم تۈنى.
① كۆكۈش — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) بىر خىل قۇش. ② قاتتارا — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) قاقاقلىماق. ③ قارا قۇچقاچ ئۆچلۈق تۇمشۇغى بىلەن سايرىدى دېمەكچى. ④ سۇرى ئەبرنى — (ئەرەبچە) داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ مۇقام بىلەن ئوقۇغان زابۇر سۇرىلىرى.
79 ئېلىك ۋە جەرەن كۈل ئارا ئوينىشۇر، ئارقار، تاغ ئۆشكىسى جۈپ - جۈپ سەكرىشۇر.
80 قاشىن تۇردى ئاسمان، كۆزى ياش چاچار، چېچەكلەر يۈز ئاچتى، كۈلۈپ قاتقارار.
81 بۇ ۋاقتا جاھان ئۆز - ئۆزىگە قاراپ، سۆيۈنۈپ، قۇۋانىپ مېھرىگە قاراپ.
شائىر بۇ يەرگە كەلگەندە ئىنتىقال (يۆتكىلىش) ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ:
82 ماڭا كۆز يۈگۈرتكەچ ئۇ ئاچتى سۆزىن، دېدى: كۆرمىدىڭمۇ، بۇ خاقان يۈزىن.
83 ئەگەر ئويقۇلۇقسەن، تۇر، ئاچ ئەمدى كۆز، ئېشىتمىگەن بولساڭ، ئېشىت مەندىن سۆز.
84 تۈمەن يىل تۇل ئەردىم، سولغۇن يۈز ئىدىم، سېلىپ تۇل كىيىم، كىيدىم ئاق ئاس① كىيىم.
85 ئۇلۇغ خان بېگىمدۇر، ياساندىم شۇڭا، قوبۇل قىلسا جانىم، پىدادۇر ئاڭا.
① ئاس — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) سەۋسەر.
ئەدەپ شۇلاردىن كېيىن بۇغراخاننى سۆزلەشكە باشلايدۇ …
يوقىرىقى مىسرالارنى ئوقۇغاندا، كىشىنى ئۆزىگە ئاشىق قىلىدىغان مۇنداق ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرە كۆرۈنىدۇ:
شەرق تىن چىقىۋاتقان سالقىن شامال، جەننەتتەك ياسانغان دۇنيا، ئېرىپ كەتكەن قار كافۇرلىرى، ئېچىلغان ئىپار رەڭلىك تۇپراق، يېشىل بەرگلەردىن تون كىيگەن دەرەخلەر، قىزىل، كۆك، بىنەپشە، ھال رەڭدە ئېچىلغان چېچەكلەر؛ كافۇر ھىدى بىلەن تولغان جاھان؛ دۇنيانى قەرەنفۇل ھىدلىرى بىلەن تولغۇزغان تاغ شامىلى؛ بىرى سۇ ئىچسە، بىرى تۇرۇۋاتقان، بىرى ئۇچسا، بىرى قونۇۋاتقان قۇشلار؛ تىزغان تۈگمىدەك قاتارلىشىپ يوقىرى - تۆۋەن ئۇچۇشۇۋاتقان تۇرنىلار، سۆيگەن سۆيۈملۈكىنى ئۈندىگەن گۈزەل قىزدەك ئۈنلەر چىقىرىۋاتقان تۇلاي قۇش، قاندەك قىزىل ئاغزىدا قاقىلداۋاتقان قارا قاش كەپتەر، چېچەكلەر ئارا سايرىۋاتقان بۇلبۇللار، جۈپ - جۈپ بولۇپ گۈللەر ئۈستىدە سەكرەپ ئېچىنىش چىقىرىۋاتقان كىيىك - جەرەنلەر، سىم - سىم يېغىۋاتقان يامغۇر، كۆلگىدەك ئېچىلىپ كەتكەن چېچەكلەر؛ شائىر ئەڭ ئۇستا رەسساممۇ ئۇنى تەسۋىرلەشتىن ئاجىز كېلىدىغان مۇشۇنداق بىر گۈزەل مەنزىرىنى ئۆز شېئىرى بىلەن بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا شۇنداق بىر نەپىس، نازاكەت بىلەن سېزىپ كۆرسىتىدۇكى، قەلبىمىز ئىختىيارسىز ئونىڭ مەپتۇنى بولۇپ قالىدۇ. بۇ شېئىردىكى لاتاپەت، نازاكەت
ۋە تولۇپ تاشقان گۈزەللىكتىن قەلبى ئاس قالدۇ ئېرىپ كەتكىلى! …
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بۇ قەدەر قوزغىتىش ۋە تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقى ئەسەر ئىجادچىسىنىڭ سۆزىدىكى پاساھەت ۋە بالاغەت ئامىللىرىدىن بولغان مائانى، بايان بەدىئىي تىلىمىزغا ئالىملىقى ۋە ئونىڭ بەدىئىي شېئىر يېزىشتا كېرەك بولغان مەجاز، ئىستىئارە، تەشبىھ، كىنايە، مۇبالىغە ۋە ئىنتىقال (يۆتكىلىش) غا ئوخشاش نازۇك سەنئەتلەرنى ئىشلىتىشكە ئۇستىلىقى ۋە بۇ ھۈنەرلەرنى ئۆز شېئىرىگە شۇنداق بېرىۋەتكەن بىر تەرەپكە كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىدۇر. چۈنكى، قەلبنى ھاياجانغا سېلىپ تىترىتىش ئوڭاي ئەمەس. قەلب كۆرۈنۈشتە كىچىك بىر پارچە بولغان بىلەن پۈتۈن بارلىق ئونىڭ ئىچىگە سىڭىپ كېتىدىغان ئاجايىپ زور جىسىمدىن ئىبارەت. قەلب تەرىپىدە بىر ئەرەب شائىرى مۇنداق دەيدۇ:
تۆزۈمنى كىچىك جىسىم دەپ ئويلىما، سىڭىپ كېتىدۇ ساڭا بۇ چوڭ جاھان.
ھەقىقەتەن قەلبنىڭ چوڭلۇقىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ. كىچىكىدىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆرگەن، بىلگەن، ئەتكەن، ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھازىر قەلبىمىزدە بار. ئەگەر پۈتۈن يەر شارىنى ئايلىنىپ ئاسمانغا چىقساق، ھەممە سەييارىلەرنى كېزەلىسەك ئىدۇق، ئۇلارنىڭ بارلىقى يەنە قەلبىمىزگە سىغقان بولاتتى. دېمەك،
مانا شۇنداق چەكسىز قەلبنى قوزغىتىش كۈچىگە ئىگە.
يۈسۈپ ئۆزىنىڭ شۇئۇر (تۇيغۇ) بىلەن تولغان شېئىرىي ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن بۇ زور ئىشنى، يەنى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىش ئىشىنى كۆرۈنەرلىك قىلغان. ئۆزىنىڭ بۇ ماھارىتىنى يالغۇز يۇقىرىدىكى مىسرالاردىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. مەسىلەن، «كەچ بولدى» دېگەننى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
4959 قىزىل يۈزى بولدى پەلەكنىڭ سېرىق، جاھان بولدى ئالتۇن رەڭلىك تېرىق.
4960 قۇياش سۈرتتى يۈزگە سېرىق زەپىران، ھاۋا رەڭ شېشىگە پۈركەندى جاھان.
4961 مەشۇقلار قېشىدەك بولۇپ ئاسمان، ھەبەش - زەڭگى تۈسكە كىردى جاھان.
3948 يوشۇردى يۈزىن يەرگە رۇمى قىزى، جاھاننىڭ تۈسى بولدى زەڭگى يۈزى.
«تاڭ ئاتتى» دېگەننى مۇنداق سەنئەتلىك بېرىدۇ:
4966 پەلەك يىرتتى، كىيگەن قارا كۆڭلەكنى، كۆتۈرۈپ پەرەنجە، ئۇ ئاچتى يۈزىن.
4967 كۈلۈپ باقتى نۇرلاپ گۈزەل قىز يۈزى، يورۇدى جاھاننىڭ ھەر ئىككى يۈزى.
قاراپ باقايلى، بۇ مىسرالاردا قانچىلىك بەدىئىي سەنئەت ئورۇنلاشقان:
كۈن پېتىش چاغدىكى سېرىقلىقنى ئالتۇنغا ئوخشىتىدۇ. شەپەقنى كۈن يۈزىگە زەپەر سۈرتۈلدى دەپ ئوخشىتىش قىلىدۇ. كۈن يوقىلىپ ھاۋانىڭ قارامتۇللىشىقانلىقىنى شېشىگە، مەھبۇبىنىڭ قارا قېشىنى ھاۋانىڭ قارايغانلىقىغا ئىستىئارە قىلىپ كۆرسىتىپ ئوخشىتىش ياسايدۇ، زەڭگى يۈزىنى كېچىدىن، رۇمى قىزنى قوياشتىن كىنايە قىلىدۇ. ھاۋانىڭ زۇلمەت بىلەن تولغانلىقىنى قارا قوش يۈگى بىلەن تولدى دەپ مۇبالىغە ۋە ئوخشىتىش قىلىدۇ، كېچە قاراڭغۇسىنى قارا كۆڭلەككە ئوخشىتىپ، تاڭ ئاتقانلىقنى قارا كۆڭلەك يىرتىلدى دەپ ئىستىئارە قىلىدۇ. قوياشنىڭ تۇغۇپ چىقىشىنى قىز يۈزىگە ئوخشىتىپ، تاشبىھ ۋە مۇبالىغە سەنئىتىنى ئىشلىتىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش…
ئەگەر شائىر شۆھرەتلىك شېئىر يارىتاي دېمىسە، «كېچە بولدى، تاڭ ئاتتى» دېگەن ئىككى جۈملە بىلەن مەقسەت توختىتاتتى. لېكىن شائىر يۇقىرىقىدەك گۈزەل ئىبارە ۋە سەنئەت ماھارىتى بىلەن مەقسەتنى ئىپادە قىلغانلىقتىن، شېئىرىيەتنىڭ شۆھرەتلىك رەڭمۇرەڭ گۈللىرى بىلەن گۈلدەستە تۈزۈپ سۇنۇلغانلىقتىن، قەلبلىرى ئىختىيارسىز ئۆنىگە مەپتۇن، جانلار ئۆنىگە ئاشىق بولىدۇ.
غان. چۈنكى، قەلب ۋە جان ھەر قاچان گۈزەللىكنىڭ مەپتۇنى ۋە ئاشىقلىرىدۇر.
بۈيۈك ئەدىب بۇ ئەسەردە بەدىئىيەتنىڭ يۇقىرىقىدەك يوشۇرۇن ئامىللىرىنى ئىشلىتىش بىلەنلا قالماي، شېئىرنىڭ ئاشكارا سەۋىيىلىرىدىن بولغان ۋەزىن، قافىيە، تۈرلەرگە ھەم ئېتىبار بېرىپ، رۇبائىي، قەسەدە، مەسنەۋى، تەجنىس، تۇيۇق، ئىنتىقال (يۆتكىلىش)، ئىرسالۇل مەسەل (سۆزنى مەسەل بىلەن كۆچۈرمەندۈرۈش) سەنئەتلىرىنى ھەم قوللىنىپ ئۆتكەن. ئەسەردىكى ھەممە رۇبائىيلار «ئىرسالۇلمەسەل» يولى بىلەن كەلتۈرۈلگەن. يۇقىرىقىدەكلەرگە مىسال.
رۇبائىيلاردىن:
6343 سېنى قانچە قىلسا ئەسىر قايغۇ - غەم، كۈلەر بۇ كۆزۈڭ، يىغلىسا قانچە ھەم. (6344) جاھان قانۇنى شۇ ئۆزۈندىن بۇيان، ئۆتەر قانچە تۇرسا يامان - ياخشى ھەم.
6479 قېنى بىر دۇرۇسلۇق قىلغۇچى قېنى؟ خۇدالىق ئۈچۈن ئىش قىلغۇچى قېنى؟ (6480) جاھان باشتىن ئاخىر بۇزۇلدى پۈتۈن، كۆرۈپ تاڭ قالغۇچى ئەر بارمۇ مۇنى؟
3168 بىلىملە يېشىلگەي پۈتۈن تەس تۈگۈن، بىلىم بىل، ئەقىل ئۇق، ياشىغىل تۈگۈن①.
① تۈگۈن — ئەقىللىق.
(3169) بىلىم بىرلە ئىش قىل، تىلىڭ توغرا تۇت، تۈگەن سەن، بېكارغا ئۆتمىسۇن بۇ كۈن.
2759 كۆڭۈل، تىلنى تۈز تۇت، قىلىقنى پۈتۈن، كېلۇر ساڭا دۆلەت بۇ دۇنيا پۈتۈن. (2760) ئەگەر توغرا بولساڭ قۇتاتقاي كۆنۈك، سالامەت ياشا سەن سۆيۈن ھەم قۇتۇن.
تەجنىس:
1247 ئەزىز ئول، ئەزىز كىم، ئەزىزلەرگە ئىز①، ئۆزىدىن تېگۈر ئىز، ئەزىز ئەمدى قىز.
4289 قوشۇلما نادانغا، ئەي نەسلى ئېسىل، تۆكەر ئابرۇيىڭنى سېنىڭدىن ئېسىل.
4558 جاھانغا يېيىلسۇن دېسەڭ سەن ئېتىڭ، مۇساپىرنى كۈتكىن، تارار شۆھرىتىڭ.
1628 كۆردۈمەن ياراملىق ئونى ھەم تولۇق، كىچىكلىكتىن ئۆزگە ھېچ نەيىبى يوق.
يۇقىرىقىلار — بۇ بەدىئىي ئەسەر ۋە ئونىڭ شېئىرىيەت دېڭىزىدىن ئېلىنغان بىر قانچە تامچىلاردۇر.
① ئىز — (ئەرەبچە) ئىززەت.
«قۇتادغۇبىلىك» مانا شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ، تۈزۈلۈشى، مەزمۇنى، غايىسى، ئىنسانىيەتكە پايدىسى، تەلىم - تەربىيىسى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى، كۈچلۈك شېئىرىيىتى بىلەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. ئۆنچە - مارجان دۆۋىلىرى بىلەن تولغان بىر خەزىنە تاماشاچىسى بىر - بىرىدىن گۈزەل، بىر - بىرىدىن جۇلالىق قىممەتباھا گۆھەرلەر ئارىسىدا قانداق ھەيرەتتە قالىدىغان بولسا، «قۇتادغۇبىلىك» خەزىنىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلەرمۇ شۇنداق ھەيرانلىقتا قالىدۇ. ئالمىسا كۆڭلى توقۇنمايدىغان، ئالسا ئېلىپ تۈگەتەلمەيدىغان بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ.
يۇقىرىدىكى قۇرلارنى يېزىپ كېلىۋاتقان قەلەممۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەيرانلىق گىرىپتارى بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، چارىسىز ھالدا، «قۇتادغۇبىلىك» تىن تۆۋەندىكى بېيىتلارنى كەلتۈرۈش يولى بىلەن يۈرۈشىنى بەس قىلىدۇ:
3496 ئۆزۈڭگە كۆيۈمچان سېنىڭ ئۆز - ئۆزۈڭ، كىشىگە ئىشەنمە، تۈگەت، بەس سۆزۈڭ.
863 تېشىدەك ئىچىمۇ، ئىچىدەك تېشى، بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى.
864 چىقىرىپ يۈرەكنى ئالقانغا تۇتۇپ، ئۇيالماي يۈرەلسە ئەلنى كۆرۈپ.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن
ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆز زامانىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەپەككۇرى، مەرىپەتپەرۋەر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز دەۋرى ئىلغار ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە ئىلمىي قاراشلىرى شەھىرىي شەكىلدە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن زور ھەجىملىك داستانى «قۇتادغۇبىلىك» ئەينى زامان مەرىپەت مۇنبىرىدە شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى يېڭى ئېقىمىنىڭ شانلىق نامايەندىسى بولدى.
مەلۇمكى، 11 - 12 - ئەسىرلەردىكى شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى ئىسلام خەلقلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلەشتۈرۈلگەن قەدىمكى جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، ئىران، سۇرىيە، مىسىر، گىرىتسىيە ۋە رىم مەدەنىيىتى بىلەن ئەينى زاماننىڭ مۇقىم گۈللەنگەن فېئوداللىق ئىقتىسادىي ئېگىلىكى ۋە خەلقئارا سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋامى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.
يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۆز ئىچىدىن ئۈچ مۇھىم باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئونىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئابدۇللا ئىبىن مۇقەپپا (724 - 750)، ھۇنەيىن ئىبىن ئىسھاق (810 - 878)، سابىت ئىبىن قۇررا (؟ - 901) قاتارلىق مەشھۇر تەرجىمىشۇناس ۋە شەرقشۇناسلار ۋەكىللىك قىلسا؛ ئونىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئەبۇ يۈسۈپ ئىبىن ئىسھاق ئەل كىندى (800 - 879)، ئەبۇ نەسر فارابى (870 - 950)، ئەبۇ رازى (864 - 925)، ئىبىن سىنا (980 - 1037) ۋە ئەبۇ رەيھان بىرۇنى (973 - 1048) قاتارلىق مۇتەپەككۇر ۋە تەبىئەتشۇناس ئالىملار ۋەكىللىك قىلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ (تەخمىنەن 1019 - 1085)، مەھمۇت قەشقىرى (11-ئەسىر)، ناسىر خۇسراۋ (1003 - 1088)، نىزامۇل مۈلۈك (11 - ئەسىر) قاتارلىق مۇتەپەككۇر ۋە جەمئىيەتشۇناس ئالىملار ئونىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلمىشتى.
«قۇتادغۇبىلىك» قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ مۇقىم گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا فېئوداللىق تارىخىي مۇھىتىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھوقۇقىي، ئەخلاقىي، مائارىپ ۋە ئېستېتىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى مەركەزلەشتۈرگەن بىر جاھاننامە سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى. بۇ دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي ئالاھىدىلىكى: ئىسلامىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىقانلىقى؛
قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ سامانىلار ھاكىمىيىتىنى مۇنقەرز قىلىپ، كەڭ ماۋەرائۇننەھرنى ئىگىلەپ خارەزم ۋە خۇراسان تۈركىي رايونلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى؛ يەتتە سۇدىن غەربىيچە، ئېرتىشتىن كۆپۈت تاغلىرىغىچە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ مىللىيەتلىك جەھەتتىكى يېقىنلىشىش جەريانىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى؛ قاراخانىلارنى ئارقا تىرەك قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراسان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ چۈشىنىشىۋاتقان تەرەپ، خەلقلەرنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر تەھدىتكە سالغۇچى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلانغانلىقى؛ ئولتۇراقلىشىش ۋە ئىقتىسادىي كۆللىنىشكە ئەگىشىپ ئۇيغۇر خاقانىيە تىلىنى ئۆزەك قىلغان مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھەمدەم روناق تېپىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ زامان شەرق ۋە غەرب يازما يادىكارلىقلىرى ئىچىدە بىر پۈتۈن دەۋرنىڭ نادىر دەستۇرى سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ مەدەنىي تارىخىي قىممىتىدىن ھالقىپ، شەرق مەدەنىيەت تارىخىدا نوپۇزلۇق قامۇس بولۇپ قالدى. «قۇتادغۇبىلىك» شەرق ئەللىرىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، كەيكائۇس ئىبنى شەمسۇلمائالى قابۇس، ئەھمەد يۈكنەكى، نىزامۇلمۈلك قاتارلىق مۇتەللىپلەرگە، ئوخشاش پىكىر ئىلھامى بېغىشلىدى. نۇ، چىڭگىزخان ۋە ئۆمەرلەر ئېستىلاچى يۈرۈشلىرى خانىۋەيرانچىلىقىدىن كېيىن، شاھرۇخ ۋە ئۇلۇغبەك، بابۇر ۋە ناۋائىي، ئەكبەر ۋە سۇلتان سەئىدخان قاتارلىق بىر قاتار
ئىلغار مۇتەپەككۇر، ئالىم ۋە ئەدىبلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسەتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقىتلاردا غەربىي ياۋروپا ئەللىرى خىرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىكىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن، كاتولىزم ۋە پراۋوسلاۋ مەزھەپلىرى ئاجرىلىپ، دىنىي سوت شەكىللىنىش دەۋرىگە كىرگەن، نورماندىيىلىكلەر بىرىتانىيىگە بېسىپ كىرىپ ئەمدىلا فېئوداللىققا قەدەم قويۇپ، شەھەر ئىتتىپاقى ۋە بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلەتلەر تېخى شەكىللىنىپ بولمىغان، «ئادەت قانۇنى» تېخى قانۇنشۇناسلىق دەستۇرلىرىگە ئۆتمىگەن ئىدى. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا مەشھۇر بولغان ئەسەرلەر، مەسىلەن: فرانسۇز خەلقىنىڭ رىچارد پادىشاھ ئۆزلىرى رولاندنىڭ ئەرەبلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى 4002 مىسرالىق خەلق داستانى «رولاند ناخشىلىرى»، ياكى ئىسپانىيە خەلقىنىڭ 3700 مىسرالىق خەلق داستانى «سىد»، نېمىسلارنىڭ «نىبەلۇڭلار»، رۇس خەلقىنىڭ چىڭگىزخان ئىستېلاسىغا قارشى يېزىلغان «ئىگور پولكى ھەققىدە سۆز» قاتارلىق داستانلىرى تېخى مەيدانغا كەلمىگەن ئىدى. تىلىمىزنىڭ سۆك سۇلالىسى ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە گەرچە مەشھۇر سۆك نەزمىلىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ تولاراق قايغۇ - ھەسرەت، ۋىسال - ھىجران ھەققىدىكى قىسقا لىرىكىلاردىن ئىبارەت ئىدى. سىماكۇئەننىڭ مەشھۇر تارىخىي قامۇسى «زىجى تۇڭجيەن»
بىلەن جۇڭگونىڭ «تۇنجىيەن گامۇ» ناملىق ئەسىرىمۇ تېخى ئالەمگە كەلمىگەن ئىدى، بۇ ھال «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالاھىدە قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.
«قۇتادغۇبىلىك» دىنىي ئىلاھىيەت قوللانمىسى ياكى ئۇتتۇرا ئەسىرگە خاس نوقۇل ئەخلاق ۋە ئىنتىساپ توغرىسىدىكى نەسىھەتنامىمۇ ئەمەس. شۇنىڭدەك قەھرىمانلىق ئېپوپېيىسى ياكى شاھلارنىڭ نەسىبنامىسىمۇ ئەمەس ھەم تەڭرى ھەققىدىكى ئىلاھىيەت كىتابى ئەمەس. «قۇتادغۇبىلىك» تۈپ ماھىيىتى ۋە تارىخىي قىممىتى ئېتىبارى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا، شېئىرىي دىراماتىك شەكىلدە يارىتىلغان چوڭ ھەجىملىك پەلسەپىۋى ئېپوس. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مۇئەللىپى ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى، بىلىش نەزەرىيىسى، ئىنسانپەرۋەر، ئىجتىمائىي، ھوقۇقىي ۋە ئەخلاقىي كۆز قاراشلىرىنى سوكرات ۋە پىلاتونچە ئابستراكت دىئالوگ شەكىلدە ياكى ئارىستوتېل ۋە فارابىچە مەنتىقىي مۇھاكىمە ئۇسۇلىدا ئەمەس، بەلكى دراماتىك، ئوبرازلىق ماجىرا ۋاسىتىلەر بىلەن شېئىرىي شەكىلدە ئىپادىلەپ، كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە خاس يېڭى ئىپادىلەش شەكلىنى ياراتتى.
X X X
«قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن پانتېئىزملىق (تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكى) تەبىئەت
پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتىن قول سېلىپ، تەبىئەت، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گارمونىك بىر دەۋرلىكى كۆز قارىشى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى، بەخت كۆز قارىشى ۋە ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇئەللىپ ئالەمنىڭ تەڭرى («بايات») تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى روشەن ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالەمنىڭ مەنبەسى ئۆزلۈكسىز زىددىيەت («ياغىلىق») ۋە بىرلىك («تۈزلۈك») ئىچىدە دائىمىي ھەرىكەتلىنىپ ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوتتىن ئىبارەت تۆت زات («تۆت تادۇ») ئىكەنلىكىنى تولىمۇ ماھىيەتلىك ۋە تولىمۇ كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويغان. فارابى ۋە ئىبنى سىنادىن كېيىن ئىلاھىيەتچىلىك ۋە تەسەۋۋۇپچىلىق پىكىر ئېقىمى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان شارائىتتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەتنى تەبىئەت ئارقىلىق ئىزاھلاش نۇقتىسىنى قايتا تەكىتلىشى بۇ ئەسەرنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى جەھەتتىكى تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى تەبىئەتنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلانغان ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئالاھىدىلىكى، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى پائالىيەتچان ئورنى مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ بىلىش ئىقتىدارى، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ قەدىر - قىممىتى، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ بەخت سائادىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ
تەرىپىدىن ھەم تەبىئەت پەلسەپىسى ھەم گۇمانىزم ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىنغان ھەمدە داستاننىڭ ئاساسىي سەرلەۋھىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان مەسىلىسىدە غەرب پەلسەپە تارىخىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدىكى ئانتروپولوگىزمىلىق كۆز قاراشقا يانداشقان. ئۇ، ئىنساندىكى تۇغۇلۇش، ياشاش، كېسەل بولۇش، داۋالىنىش، قېرىش، ئۆلۈش ھادىسىلىرىنى تەبىئىي ھادىسىلەر سۈپىتىدە تۆت زات، تۆت خىسلەت، تۆت مىجەزنىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىشى ئاساسىدا ئىزاھلىغان. ئۇ ھاياتنى تاشقى مۇھىت بىلەن گارمونىك ھالەتتە تۇرغۇچى بىر جەريان سۈپىتىدە چۈشەنگەن. ئۇ ئادەمنىڭ كۆرىدىغان چۈشلىرىنىمۇ تۆت زات، تۆت خىسلەت، تۆت مىجەز، تۆت پەسىل، ھاياتنىڭ گۆدەكلىك، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە قېرىلىقتىن ئىبارەت تۆت دەۋرى بىلەن شەخسنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالى ئاساسىدا ئىزاھلاشنى تەشەببۇس قىلغان. «قۇتادغۇبىلىك» تىكى سوپى - زاھىت تۇدغۇرمىش ھەققىدىكى مىسرالارنىڭ قانچىلىك نازۇك ئۇيۇشتۇرۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مۇئەللىپنىڭ دۇنيا قارىشىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قارىشىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. مۇئەللىپ ئومۇملىق جەھەتتە تەرىكدۇنياچىلىق، تەركىدۇنياچىلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك كۆز قاراشلىرىغا نىسبەتەن ئېتىراز، مۇنازىرە ۋە مەسخىرە خاراكتېرىدىكى تەشەببۇسلارنى ياقىلىغان. ئۇ، رېئال ئالەم ھەقىقەتلىرىنى باقىي ئالەم ئەپسانىلىرىدىن، ئىنسانلار ئارى
شىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئالاقىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تالانتلىرىدىن، ئىنسانغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىگە ئىستىقامەت قىلىشتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان. ھەتتا: «بىلىمسىز كىشىنىڭ ئۆلۈمى تەقۋادار زاھىتنىڭ ئېتىكاپتا ئۆلتۈرۈشىدىن ئەۋزەل» (3225 - بېيىت)، «دوزاخ ئىشىكىنى ئاچىدىغان نەرسە پەقەت بىلىم» (3223 - بېيىت) دەپ جاكارلىغان.
«قۇتادغۇبىلىك» تە بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە تېخىمۇ قىممەتلىك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا — ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىلىمنىڭ بىلىش سەمەرىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرىدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئىنسان قەدر - قىممىتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم روشەن تەكىتلىگەن. ئۇ، ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارى بولغان ئەقىل («ئۇقۇش») تۇغما ئىقتىدار بولسىمۇ، بىلىش ۋە ئۇنىڭ كىرىستالى بولغان بىلىم («بىلىك») دە ئېرىشىلىدىغان نەرسە، تەربىيە ۋە بىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. داستاندا سەزگۈ، تەپەككۇر، تىل، مېڭە، تەجرىبە، ئەمەلىي پائالىيەت، تەربىيە، تەلىم، خاتالىق، ھەقىقەت قاتارلىق بىلىش نەزەرىيىسى مەسىلىلىرى ۋە كاتېگورىيىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
«قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىلىشنى مەقسەت قىلىش، بىلىم ۋە ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن مەقسەت
ئىجتىمائىي بەخت - سائادەتكە سەۋەب بولىدىغان ئەمەلىي، ياخشى ۋە گۈزەل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدىكى تەدبىرلەر يەنى زامان شارائىتىدا مۇستەقىل غايە پەلسەپىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ توغرىدا ئەسەر شارائىتىدىكى ئاتالمىش «ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشى تۈنجى گۇناھنى بىلمەكلىك»؛ ئالەم ۋە ئۇنىڭ ماھىيەتلىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىش «ئىلاھىي ھەقىقەتلەرگە ئېھتىرام بىلەن دۆركەنلىك» دېگەندەك ئىلاھىيەت كۆز قاراشلىرىغىمۇ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ئەقىدىچىلىك، سەپسەتەۋازلىق، مەدرىسە پەلسەپىۋازلىقى قاتارلىقلارغىمۇ قارشى ھەقىقىي مەنىدىكى بىلىش خىتابنامىسى بولدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تىبابەتچىلىك، تىل - ئەدەبىيات، چەت تىل تەرجىمىشۇناسلىقى، تارىخ، ئېتنوگرافىيە، فولكلورچىلىق، قانۇنشۇناسلىق، ھەربىي ئىلىم، مالىيە - ئىقتىساد ئىلىملىرى، ئېتىكا، مائارىپ ۋە تەربىيە ھەققىدىكى بايانلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمەلىي مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا قائىدىلىرى توغرىسىدىكى سىياسىي تەشەببۇسلىرى ئۇنىڭ رەتسىئونالىزمچى، ئىلمىي پەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئىسپاتلىدى.
«قۇتادغۇبىلىك» تە سىياسىي ئىجتىمائىي مەسىلىلەر يەنى زامان ئىلمىي ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتقاندا «سىياسىي پەلسەپە» نۇقتىسىنەزىرى بىلەن بايان قىلىنغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت سەلتەنتى ۋە جەمئىيەت يۈكسىلىشنىڭ ئۆلى خەلق ئاممىسى ئىكەنلىكى؛ دۆلەت
ۋە خەلقنىڭ توپ ئېزىلىشى جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىنى بەرباد قىلىش ئىكەنلىكى؛ دۆلەت باشلىقى ۋە ئەمەلدارلار سىستېمىسىدىكى خادىملارنىڭ بىلىم - ماھارەت، ئەخلاق - پەزىلەت شەرتىگە ئىگە بولۇش لازىملىقى؛ بىلىمسىز ۋە شەپقەتسىز ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەتنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى؛ بىلىم بىلەن ئادالەتلىك قانۇننى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار كۆز قاراشلىرى ئۆنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شەرق ئېلىدىكى ئۇلۇغۋار گۇمانىستىك قانۇنشۇناس ۋە سىياسەتشۇناس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. داستاندا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ھاكىم مۇتلەقلىقنى چەكلەش، خانلىق ھۆكۈمرانلىقنى ئادالەتلىك قانۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى كۆز قارىشى كونستىتۇتسىيىلىك مونارخىيە خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ دېموكراتىك ئىدىيىۋى قىممەتكە ئىگە. ۋاھالەنكى، مۇنداق كۆز قاراش غەربىي ياۋروپادا پەقەت مەرىپەتچىلىك دەۋرىدىلا مەيدانغا كەلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي تەشەببۇسى ئۆز دەۋرى سېۋىيىسىدىن ھالقىپ چىقىپ بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي تەشەببۇسلارغا ئوخشىشىپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەلۇمكى، بۇنداق تەشەببۇس كىشىنىڭ تەبىئىي ۋە تەبىئەت ئالدىدىكى تەبىئىي ھوقۇقى سۈپىتىدە 1776 - يىلدىكى «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» غا كىرگۈزۈلگەن ئىدى، 1849 - يىلدىكى
«فرانکفورت كونستىتۇتسىيىسى» نىڭ 137 - ماددىسىدا پەقەت نېمىسلارلا قانۇن ئالدىدا باراۋەر دېيىلگەن. ۋاھالەنكى، «قۇتادغۇبىلىك»تە پادىشاھ ئائىلىسى ۋە قۇللار، باشقا يۇرتنىڭ مۇساپىرلىرىمۇ قانۇن ئالدىدا باراۋەر دەپ قەيت قىلىنغان. مېنىڭچە، بۇ سىياسىي تەلىماتلار تارىخى بىلەن ھوقۇقشۇناسلىق تارىخىغا كىرگۈزۈلۈشى لازىم بولغان تارىخىي مۇھىم ۋەزىپە.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا مېڭزىنىڭ «ئىنساننىڭ تۇغما ئەزگۈلۈكى» (ياخشىلىقى) كۆز قارىشىمۇ، شۈنزىنىڭ «ئىنساننىڭ تۇغما يامانلىقى» كۆز قارىشىمۇ، پلاتوننىڭ «ياخشى - يامان پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى كېيىن ئېرىشىلگەن بولىدۇ» دېگەن كۆز قارىشىمۇ ئوخشىمايدىغان نۇقتىلىق كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر تەرەپتىن «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دەيدىغان تۇغما پەزىلەت كۆز قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر جەھەتتە ئەخلاقنىڭ تەربىيە ۋە مۇھىت تەسىرىدە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، شەخسنىڭ قانداق ئەخلاقىي يول تۇتۇشى ئۇنىڭ ئىرا دە - ئىختىيارلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە ئۇنىڭ ئەكسى بولغان ھەر قايسى كاتېگورىيىلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلغار مەرتىۋىدە تۇرىدۇ.
شۇنى ئىپتىخار بىلەن قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى: «بىلىم — كۈچ، بىلىم —
بەخت قورالى، ئىلىم - ئىنسان قەدرى - قىممىتىنىڭ ھۆلى» دېگەن كۆز قاراش تارىخ تەرەپتىن ئىسپاتلانغان ئىلمىي ھەقىقەت بولۇپ چىقتى.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئىنسان تۇغۇلۇپلا بىلىملىك ۋە دانىشمەن بولمايدۇ، ئىنساننىڭ بىلىملىك بولۇشى بىلىمسىزلىكتىن بىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىش جەريانى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، تەلىم - تەربىيە بىلىم ئېلىشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى، ماتېرىيەسىز ئىلىم - پەننىڭ راۋاجلىنىشى مۇمكىن ئەمەس، دېگەن كۆز قاراشمۇ كۆزى ۋە مېڭىسىنىڭ «ياۋ - شۇڭگە ئوخشاش دانىشمەنلەر تۇغۇلۇپلا بىلىملىك بولغان» دېگەن ئىدېئالىستىك كۆز قارىشىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەلىم - تەربىيەنى كىچىكىدىن باشلاش كېرەك؛ ئەقلىي تەربىيە، ئەخلاق - پەزىلەت تەربىيەسى، جىسمانىي تەربىيە، ھۈنەر - ماھارەت تەربىيەسى، تۇرمۇش تەربىيەسى ۋە گۈزەللىك تەربىيەسى ماتېرىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىنىشى كېرەك؛ بىلىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىلىمنى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىگە قارىتىش كېرەك، دېگەن كۆز قاراشمۇ تارىخ تەرەپتىن ئىسپاتلانغان ئىلمىي ھەقىقەت بولۇپ چىقتى.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئىلىمنى سۆيۈش تەلىم ياكى تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش، ياشلىق باھارىنى ھەتتا پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم ۋە خەلق ئۈچۈن سەرپ قىلىش توغرىسىدىكى ئىدىيەلەرمۇ تارىخ تەرەپتىن تەك
رار ئىسپاتلانغان ئىلمىي ھەقىقەت بولۇپ قالدى.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش - پەن بىلەن باشقۇرۇش، دۆلەت ۋە جامائەت ئىشلىرىغا بىلىملىك، ئەخلاقلىق، ماھارەتلىك قابىل كىشىلەرنى قويۇش، ئىلمىي ئەھلىگە تولۇق ئىشىنىش ۋە ئۇلارغا مېھرىبان بولۇش، ئۇلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە كەڭ قوللۇق بىلەن مەدەتكار بولۇش، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت سەمەرىلىرى بىلەن دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى زىننەتلەش توغرىسىدىكى تەدبىرلەرمۇ تارىخ تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ئىلمىي ھەقىقەت بولۇپ چىقتى. مانا بۇلار ئەڭ كەم دېگەندىمۇ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا چاقناپ تۇرغان مەرىپەتچىلىكتە ئالدىنقى قاتاردىكى تەشەببۇس بولۇپ، زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئىجتىمائىي تەبىقىلەر، ئىجتىمائىي كەسىپلەر، ئىجتىمائىي ھايات، مالىيە - ئىقتىساد، خارىجى ئىشلار، ھەربىي ئىشلار توغرىسىدا بىر يۈرۈش مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ «قەلەم ۋە ئەلەم»، «قوشۇندا سىياسىي خىزمەت»، «ئەسكەر ۋە سەركەردە»، «جەڭ ھازىرلىقى - سەپەرۋەرلىك»، «تۇرۇش ۋە سۈلھى»، «ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە»، «رازۋېدكا ۋە ئەسىر ئېلىش»، «يىراقتىن ئېتىشىش ۋە يېقىندىن نەيزىۋازلىق»، «مۇھاسىرە ۋە قامال»، «قوغلاش ۋە قېچىش»، «كېچىلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم»، «ھەربىي تەمىنات»، «قەھرىمانلىق جاسارىتىنى تۇرغۇزۇش»، «مېيىپ ۋە قازا تاپقانلارغا ئائىت خىزمەت»، «مۇكاپات ۋە جازا» قاتار
لىق جەھەتتىكى بايانلىرى يالغۇز سامانلار سۇلالىسىنى مۇئەييەن قىلىشتىكى ماۋە رائۇننەھر نۇپۇسى ئەھمىيەتلىك يەكۈنى بولۇپلا قالماي، بەلكى كۆرۈنەرلىك ھەربىي دىپلوماتىكىلىق قىممەتكىمۇ ئىگە.
«قۇتادغۇبىلىك» ئۆزىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي تەدبىرلەر تارىخىدىكى ئىلمىي قىممىتىدىن تاشقىرى يەنى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ئۇيغۇر ئېتنىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىرىنچى قول ھۆججەت.
«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى — «خاقانىيە تىلى» ۋە شېئىرىيەتنىڭ دەۋر بۆلگۈچ دەستۇرى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنى زامان شارائىتىدا ئەرەب — پارس تىلىلىرى بېسىمى ئاستىدا «كېيىكتەك ھۈركۈپ تۇرغان» ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى «بەگلىكى ئاتتەك» جۇشقۇن ھالەتكە كەلتۈرۈشتە زور رول ئوينىدى. رۇشەنكى، يەنى زاماندا ئىلمىي ۋە نەسرىي ئەسەرلەر ئەرەبچە يېزىلىشقا يۈزلەنگەن ئىدى. مۇسا خارەزمى، پەرغانى، فارابى، ئىبىن سىنا، ھەتتا مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئالىملار ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك شەكىلى بولغان شېئىرىيەت ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىغا بولغان غۇرۇرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىپ، ئىسيانكارلىق بىلەن جاھان ئەدەبىياتى مۇنبىرىگە «تۈركىي شېئىرىيەت» نامى بىلەن كىرىپ كەلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ
قامۇس خاراكتېرلىك بۇ شاھ ئەسەردە ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىنىڭ تىل گۈزەللىكى ۋە تىل بايلىقلىرىدىن بەدىئىي شەكىلدە پايدىلىنىشنىڭ پارلاق ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئونىڭ زور ھەجىملىك داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ 68 مىڭ سۆزلۈك لۇغىتى قىممىتىنى يارىتىش بىلەن بىللە يەنە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كۆپ شەكىل، كۆپ ژانىر ۋە كۆپ بەھرلىك مۇستەقىل چوك نامايەندىسى بولدى. بىز «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىن شېئىرىيىتىمىزنىڭ مۇتاقارىپ مۇسەممەنى مەھزۇپ، مۇتاقارىپ مۇسەممەنى سالىم، رۇبائىي، تەجنىس، تويۇق قاتارلىق ژانىر ۋە بېيىت شەكىللىرىنى؛ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رېئالىزملىق، لىرىزملىق ۋە دراماتىك ئامىللىرىنى؛ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنى؛ بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى سۈپەتلەش، مەجاز، كىنايە، ئىستىئارە، مۇبالىغە، قىياس، تەمسىل، ئىرسالۇلمەسەل قاتارلىق كۆپ خىل تەسۋىرىي ۋاسىتىلەرنى كۆرۈۋالالايمىز.
x x x
«قۇتادغۇبىلىك» ئۆز سەھىپىلىرىدە ئاپتورنىڭ سىنىپىي چەكلىمىسى، بىلىش چەكلىمىسى، ئىدىيىۋى چەكلىمىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ مەھەللىي ھەم خەلقئارا تارىخىي چەكلىمىسى تۈپەيلى بىر قاتار نۇقسان ۋە ئاجىزلىقلاردىن خالى بولالمىغان.
بىز «قۇتادغۇبىلىك» مۇئەللىپىنىڭ يېڭى پلاتون
زم، ئىسلام ئىدېئالىزمى تەسىرىگە خېلى كۆپ ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
بىز «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئالەم يارىتىلىشنىڭ مەقسەتدارلىق نەزەرىيىسى تەسىرىنى، ئۇتتۇرا ھالەت نەزەرىيىسى تەسىرىنى، سوپىزم كۆز قاراشلىرىغا قوللانغان ھەم كۈرەش قىلىش، ھەم مۇرەسسە قىلىش خاھىشىنى، باقىي ئالەم توغرىسىدىكى مۆجىمەل كۆز قاراشلارنى، سىنىپ ۋە نەسەب پەرقلىرىنى مەڭگۈلۈك دەپ ھېسابلايدىغان كۆز قاراشلارنى، بولۇپمۇ ئاياللارغا قارىتىلغان فېئوداللىق كۆز قاراشلارنى ئەسەردىكى سەلبىي نەرسىلەر، فېئوداللىق شاكاللار دەپ رەت قىلىمىز.
بىز داستاندىكى ھېسسىي بىلىش ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ بىلىش جەريانىدىكى رولى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلاردا ئېغىر بىر تەرەپلىمىلىك مەۋجۇتلۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.
بىز داستاندىكى سىياسىي - ئىجتىمائىي، بولۇپمۇ قانۇنشۇناسلىق جەھەتتىكى تەشەببۇسلارنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ مۇقىم گۈللەنگەن باسقۇچىدا بەلگىلىك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە سىياسىي تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئومۇمىيلىق جەھەتتىن يەنىلا تارىخىي ئىدېئالىستىك، ئۇتوپىزمچە چوڭقۇر خاراكتېر ئالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي «قۇتادغۇبىلىك» زور ئىلمىي قىممەت ياراتقان تارىخىي دۇردانە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاتېئىست مۇتەپەككۇرمۇ ئە
مەس، شۇنىڭدىن مۆتەدىسسىپ ئىسلام كالامىزىمچىسىمۇ ئەمەس؛ «قۇتادغۇبىلىك» مۇكەممەل ماتېرىيالىزملىق «جاھاننامە» مۇ ئەمەس. ئۇ، دىن ۋە ئەقىدە تارىخىدىكى مۇقەددەس كىتاب بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل پەلسەپىۋى بىلىش ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم بىر نامايەندە. ئۇ كۆپلىگەن تەبىئەت، بىلىش ۋە ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى رېئالىستىك، رەتسىئونالىستىك، پانتېئىستىك ۋە گۇمانىستىك ئاساستا ئىزاھلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ قارائى غۇلۇقتىن يورۇقلۇققا مېڭىش يولىنىڭ شەرقچە بىر مەشئىلىنى يورۇتقان.
«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئالەمگە كەلگىنىگە توققۇز ئەسىردىن ئاشتى. بۇ ئەسنادا پۈتكۈل ئىنسانىيەت، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش خەلقلەر ئىدېئولوگىيىسىدە غايەت زور تارىخىي يۈكسىلىشلەر يۈز بەردى. ماركسىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بىلىش تارىخىغا مىسلىسىز چوڭقۇر ئىنقىلابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەردى.
كارل ماركس ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس ئائىلە» ناملىق ئەسىرىدە: «تارىخ ئۆز مەقسىتىنى ئىزلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت»، «ھېچقانچە ئەقىل سەرپ قىلمايمۇ ئادەم خاراكتېرىنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدىكى، ئادەملەردىكى ئەقىل كۈچىنىڭ باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى، تەجرىبە، ئادەتلىنىش ۋە مائارىپنىڭ ھەممىگە قابىللىقى توغرىسىدىكى، تاشقى مۇھىتنىڭ ئادەمگە تەسىرى توغرى
سىدىكى، سانائەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى، ئەقىلگە مۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش توغرىسىدىكى ماتېرىيالىستىك تەلىماتنىڭ كوممۇنىزم ۋە سوتسىيالىزم بىلەن مۇقەررەر ئالاقىسى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن» دېگەن ئىدى. ۋ. ئى. لېنىن «ماركسىزمنىڭ ئۈچ مەنبەسى ۋە ئۈچ تەركىبىي قىسمى» دېگەن ئەسىرىدە: «پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تارىخى ماركسىزمنىڭ <گۇرۇھۋازلىق> بىلەن ھېچقانداق ئوخشاشلىقى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ داغدام يولىدىن ئايرىلغان ھالدا پەيدا بولغان بىر تەرەپلىمە، تار ۋە تەرس تەرەپلىمە تەلىمات ئەمەسلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ماركسنىڭ پۈتۈن تالانتى شۇ يەردىكى، ئۇ، ئىنسانىيەت ئىلغار ئىدىيىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ تەلىماتى شۇ خىل ئۇلۇغ پەيلاسوپلار، سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلار ۋە سوتسىيالىستلارنىڭ تەلىماتلىرىغا بىۋاسىتە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت مىراسىلىرىدىكى نادىر دۇردانە. ئېلىمىزدە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تولۇق مىللىي نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىمىزدىكى بىر زور نەتىجە. ئۇ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا چوقۇم كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى فرانسۇز شەرقشۇناس ژائوبېرت نامىدىنلا 1823 - يىلى بۇ داستاننىڭ ۋېنا
نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتىن ھېسابلىغاندا بىر يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۆتكەن ئەسىر ئىچىدە: گېرمان ئالىملىرى، بروككېلمان، تۇتتۇ، ئولبېرت، ۋ. رادلوف قاتارلىق شەرقشۇناسلار؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا: س. مالوف، بارتولد، بېرتېلمىس، فىترەت، ئەھمەد زەكى ۋەلىدى، رەشىت رەھمىتى ئارات، مەقسۇدى قاتارلىق چەتئەل تۈركولوگلىرى؛ يېقىنقى يىللاردا سالىخ مۇتەللىپوف، قەييۇم كەرىموف قاتارلىق ئالىملار «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.
ئېلىمىزدە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى 50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بولسىمۇ، سولچىل ئىدىيىنىڭ تەسىرى بىلەن بوغۇپ قويۇلغان ئىدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن ئىلىم - پەن گۈلزارىدا بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەر مەيدانغا چىقتى.
شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىرغىچە چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى ئاساسەن چەتئەل تۈركولوگلىرى ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى تېكىستولوگىيىلىك ياكى سېلىشتۇرما تېكىستولوگىيىلىك تەتقىقاتى، تولۇق ياكى تاللانما تەرجىمە - شەرھىسى، تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ياكى ئەسەر كومپوزىتسىيىسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئىبتىدائىي باسقۇچتىن يىراقلاپ كېتەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرژۇئا دۇنيا قارىشى ۋە
مېتودولوگىيىسى بىلەن ئاتالمىش «غەرب مەركەزلىك نەزەرىيىسى» تەرەپدارلىرى بولغان غەرب تۈركولوگلىرى (جۈملىدىن ئۇلارنىڭ مۇخلىسلىرى) «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى، پەلسەپىۋى، ئىلمىي، بەدىئىي قىممىتىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ، ئۇنى قانداقتۇر دىنىي تۈسى قويۇق ئەسەر ۋە نەسىھەتنامە، نوقۇل دىداكتىك داستان، «شاھنامە» نىڭ تۈركىي ۋارىيانتى دەپ قاراشتى. ئۇلار «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىجادىي مەنبەلىرى ۋە ئەنئەنىۋى تەسىرى ئۈستىدىمۇ بىر-بىرىگە زىت كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز بۇ مەسىلىلەردە ئۇلارغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئايرىم ئاپتورلار ماركسىزملىق مېتودولوگىيە بىلەن بۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ۋە بۇ ھەقتە ئايرىم ئىلمىي ماقالا ۋە مونوگرافىيىلەر يېزىشقان بولسىمۇ، بۇ تەتقىقات تېخى باشلىنىش ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇ ھال «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى سەۋىيە يارىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق شەرەپلىك ئىلمىي ۋەزىپىسى.
شەرق خەلقلىرى، ئېلىمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى دۇنيا مەدەنىيىتىگە قىممەتلىك تۆھپىلەر قوشقان. مىللىي شەكىل، مىللىي تۈسسىز ئۆتكەنكى بىر قانچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئوخشاشلا بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىمۇ تەسەۋۋۇر قى
لىش مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانىيەتنىڭ شەرق بىلەن غەربتە يارىتىلغان مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى، قىممىتىنى، ئۆزئارا تەسىرىنى توغرا چۈشىنىدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئېلىمىزدە ماركسىزملىق يېڭى «قۇتادغۇبىلىك» شۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بىز ماركسىزم پرىنسىپلىرىنى قىبلىنامە قىلىپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، ئىلمىنى قەدىرلەپ، بىر نىيەت، بىر پەزىلەت بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغانلا بولساق، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ، ۋەتىنىمىزگە شەرەپ كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش كۈرىشىگە تېخىمۇ چوڭراق تۆھپە قوشالايمىز.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىدېيىۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىكى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىم
ئابلەت ئۆمەر
«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى، ئېلىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئىلغار ئىنسىكلوپېدىيىسىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭدا قاراخانىلار خاندانلىقى دەۋرىدىكى رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋەقەلىكى ئوبرازلىق ھالدا ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى تارىخ، پەلسەپە، ئىقتىساد، قانۇن، ئەخلاق، دىن، مائارىپ، تېبابەتچىلىك، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردىنمۇ مۇپەسسەل ۋە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن.
«قۇتادغۇبىلىك» تە نامايەن قىلىنغان بارلىق رېئال تۇرمۇش مەنزىرىلىرى، چوڭقۇر پەلسەپىۋى تەرەپلىرى ئەھمىيەتلىك پىكىرلەر شېئىرىي تىل ۋە بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، داستان دەستلەپكى قەدەمدىلا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، مەلۇمكى، «قۇتادغۇبىلىك» ئالدى بىلەن بىر نادىر ئەدەبىي ئەسەر. ئۇ تەبىئەت ۋە
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ھادىسە ۋە كۆرۈنۈشلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ روشەن، جانلىق بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە قايتا ئىپادىلەپ، مەلۇم بىر تارىخىي دەۋردىكى ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تۈرلۈك سىنىپ، تەبىقىلەر ۋە ھەر خىل شەخسلەرنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە ئارزۇ - ئارمانى، شۇنىڭدەك رېئال مۇناسىۋەتلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق كىتابخانلارنى تارىخ، رېئاللىق، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھاياتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ. ئىنقىلابىي دېموكرات ۋە ئاتاقلىق تەنقىدچى چېرنىشېۋسكىنىڭ مۆھتەرەم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى «تۇرمۇش دەرسلىكى» دەپ ئاتىغانلىقى، ۋ. ئى. لېنىننىڭ لېۋ تولستوينى «رۇس ئىنقىلابىنىڭ ئەينىكى» دەپ باھالىغانلىقىنىڭ توپ ئاساسى مانا شۇ يەردە.
ماركس ئەنگلىيىنىڭ رېئالىست يازغۇچىلىرى چارلىز دىككىنس، چارلوتتى برونتى خانىم ۋە خاكلېي خانىملار ھەققىدە توختالغاندا: «ھازىرقى ئەنگلىيىنىڭ بىر تۈركۈم مۆھتەرەم ھېكايە - رومانچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەشھۇر، تەسىرلىك كىتابلىرىدا دۇنياغا ئېچىپ بەرگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئوبزورچىلار ۋە ئەخلاقشۇناسلارنىڭ ھەممىسى ئېچىپ بەرگەندىنمۇ كۆپ بولدى» ① دېگەن ئىدى.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ سالماقلىقى، زورلۇقى، ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى،
① كارل ماركس: «ئەنگلىيە بورژۇئازىيىسى»، «ماركس، ئېنگېلس ئەسەرلىرى» 15 - توم.
ئىدىيىۋىلىكنىڭ چوڭقۇرلىقى، بەدىئىي قىممىتىنىڭ يۈكسەكلىكى جەھەتتىن، شۇنداقتىلا جاھان ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرى جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شانلىق نەمۇنىسى بولۇش بىلەن بىللە، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسى، مول «تۇرمۇش دەرسلىكى» ۋە ئۆز دەۋرى زامانىنىڭ «ئېنسىكلوپېدىيىسى» ھېسابلىنىدۇ.
داستان ئۇلۇغ ئەدىب، مۇتەپەككۇر ۋە ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ 180-يىللىرى يېزىلغان. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان باشقا خەلقلەر ئارىسىدا مەلۇم دەرىجىدە تارقالغان؛ ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى «ئالتۇن دەۋر» كۈندىن-كۈنگە خارابلاشقان، ئىچكى نىزا-ماجىرالار كۆپەيگەن، ھۆكۈمرانلار ئارىسىدا ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپا ئەۋج ئېلىپ، خانلىقنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقان. ئالۋاڭ-ياساق ھەددىدىن ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى ئېغىرلاشقان. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلان خان يولغا قويغان سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنىڭ ئاقىۋىتىدە، دۆلەت ۋە جامائەت خەزىنىسى قۇرۇقلىنىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە ئەدەپ كەتكەن. قىسقىسى، خانلىق مۇنقەرزلىككە يۈزلەنگەن بىر ۋاقىت ئىدى. دانىشمەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ يامان ئاقىۋەتنى ئالدىن سېزىپ، قاراخانىيلار جەمئىيىتىدە پەيدا بولغان مۇشۇنداق يېڭى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا جاۋاب بېرىش مەقسىتىدە، مەزكۇر ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۆز دەۋرى زامان تۈزۈمىگە نارازىلىقنى ئىپادە
قىلغان. ۋاھالەنكى، نەينى شارائىتتا ئۆزىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر پىكىرلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا بايان قىلىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، بەدىئىي ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، بىر غايىۋى جەمئىيەتنىڭ نۇسخام كارتىنىسىنى سىزىپ چىققان. ئاشۇ غايىۋى جەمئىيەت ۋە غايىۋى شاھ كۆنتۇغدى ۋە باشقىلارنى مەدھىيىلەش باھانىسى ئاستىدا، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ چىرىك زەھەرلىكى، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنى ئۆتكۈر تىل بىلەن تەڭقىدلەپ دۇمبالىغان. ئۇ، بۇ جەھەتتە شۇنداق زور ماھارەت قىلغانكى، شاھ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ۋە ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنى قەدىرلەپ «خاس ھاجىپ» دەپ نام بېرىش بىلەن بىللە، ئوردىدىكى يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز زامانىسىغا بولغان نارازىلىقى تۆۋەندىكى مىسرالاردا روشەن كۆرۈنىدۇ:
6451 ئېي ئالىم قاراپ كۆر، بۈگۈنكى زامان - تۆزگەردى، ئىش - ھالەت پۈتۈنلەي بۇ ئان.
6452 بىلىملىك خار بولدى، چەتلىتى ئۆزىن، ئەقىللىق گاچا بولدى، ئاچماس تىلىن.
6453 كۆپەيدى ئەل ئىچرە يامان - پەس كىشى، ياۋاش بولدى دەپەسەندە، چۈشتى بېشى.
بۇزۇلدى تېچون خەلق، نىزامنى ئېتىپ تەرىك بىچوك بىر زامانغا قالدىم، قايان كېتەيمەن. 6588
چاياندەك چاقۇرلار، چۆۋەندەك شۇرارلار، ئىتتەك قاۋارلار، قايسىسىنى تۇرايمەن. 6601
ماڭا كەلمىسۇن ھەممە جەبىر - جاپالار، بۇ كۇستاخ، پەسلەردىن يىراقراق تۇرايمەن. 6603
شائىرنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى يېزىشقا سەۋەب ۋە تۈرتكە بولغان نەرسە، ئۆزىنىڭ بەخت - سائادەتلىك گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىغا بىرەر ئادالەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئارزۇسى بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز زامانىسىدىكى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرىغا نىسبەتەن نارازىلىقنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق.
لېنىن: «ھەر بىر مىللىي مەدەنىيەتتە، ئىككى خىل مىللىي مەدەنىيەت بار، ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدە گەرچە تەرەققىي تاپمىغان بولسىمۇ، بەزى دېموكراتىزملىق ۋە سوتسىيالىزملىق تەركىبلەر بولىدۇ. چۈنكى مىللەتنىڭ ھەرقانداق دەۋردە ئەمگەكچى ئاممىسى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى ئاممىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەرت - شارائىتى مۇقەررەر ھالدا دېموكراتىك ۋە سوتسىيالىستىك ئىدىيە سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، لېكىن ھەر بىر مىللەتتە بۇرژۇئا مەدەنىيىتى (كۆپ ساندىكى مىللەتلەردە يەنە گېزەندىلەر ۋە
دېنىي ھوقۇقچىلىق مەدەنىيىتى) مۇ بولىدۇ. بۇ بىر «تەركىب»، لا ئەقەل، بەلكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىدىغان مەدەنىيەت» ① دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاراخانلار دەۋرىدىكى تۇرمۇش، ئەدەبىي، ئارزۇ ۋە مەنىۋىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى بېيىتمىش، ساغلام پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق كۈچلۈك دېموكراتىك خاھىش، خەلقچىللىق ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىككە ئىگە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ، مىللىي مىراسىلىرىمىز ئىچىدىكى بىر ئېسىل گۆھەردۇر.
داستاندا قاراخانلار جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان يىمىرىلىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىنچ، بەختىيار، پەزىلەتلىك ۋە ئادىل غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاپتورنىڭ بۇ ئىجتىمائىي غايىسى ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان پادىشاھ كۈنتۇغدى، سائادەت بىلەن ئامەتنىڭ سىمۋولى بولغان ۋەزىر ئايتولدى، ئەقىل - ئىدراك ۋە پەملىك، پاراسەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئۆگدۈلمىش، سەۋر - تاقەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت تۆت پېرسوناژنىڭ سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ئەڭ
① «مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى تەنقىدىي پىكىرلەر»، «لېنىن ئەسەرلىرى» 20-توم، خەنزۇچە نەشرى، 6-بەت.
ئالىي ھۆكۈمرانى بولغان شاھنى «كۈنتۇغدى» دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتاپ، ئۇنىڭ جەمئىي پۇقرالارغا خۇددى كۈنگە ئوخشاش تەڭشى نۇر چېچىشىنى، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى يولغا قويۇشىنى، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشىنى ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق، پەم-پاراسەتلىك ۋە يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
217 جاھان تۇتقىلى ئەر ئوقۇشلۇق كېرەك، كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك.
284 پەزىلەت كېرەك بەك تۇتۇشقا جاھان، قولان تۇتقىلى، كۆر، كېرەك ئارسلان.
شائىر فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملار ئوتتۇرىسىدىكى رېئال مۇناسىۋەتتە، شاھنىڭ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ پاراۋانلىشىشدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ھەم ۋاسىتىچىلىك رول ئوينايدىغان بەگ - ئەمەلدارلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى ئىجابىي جەھەتتىن بايان قىلغاندىن باشقا، سەلبىي جەھەتتىن مۇنۇلارنى جىكىلەيدۇ:
2012 گۈزەل بولمىسا بەگدە خۇي، سۆز ۋە تىل، ئۇ ئەلدە تۇرالماي قاچار بەخت، بىل.
2030 سۈرەلمەس زالىم بەگ بەگلىك دەۋرىنى، كۆتۈرەلمەيدۇ خەلق ئۇنىڭ زۇلمىنى.
شائىر ئۆز داستانىدا «ھەممەتلىك بولۇش، ياخشىلىق — پەزىلەتنىڭ شەرتى»، «خەلقنى پاراۋان قىلىش — ھاكىمىيەتنىڭ مەقسىتى»، «ئەل نەزىرىگە ئېرىشمەك — خانلىقنىڭ ئاساسى»، «ياخشىلىق — ھايات شاتلىقى، ئۆمۈر شەبنىمى — دۇنيا گۈزەللىكى»، «ئەل نەزىرى — خانلىق سەلەتەنتىنىڭ ئاساسى»، «پاراخورلۇق — دۆلەتنىڭ نومۇسى» دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ ھەربىي باش قومانداندىن ئارسلاندەك يۈرەكلىك ھەم قەھرىلىك، قاپلاندەك بىلەكلىك، بۆرىدەك كۈچلۈك، ئېيىقتەك ئېتىلغاق، قۇتۇزدەك سۈرلۈك، تۈلكىدەك ھوشيار، نار تۆگىدەك ئۆچلۈك ساقلىغۇچى، قاغا قۇزغۇندەك يىراققا تىكىلگۈچى…» بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە پۈتۈكچى (كاتىپ) ھەققىدە:
2674 ئەگەر بولسا خان قانچە ئالىم ئۆزى، كېرىكتۈر پۈتۈكچى يازارغا سۆزى.
دەپ يازىدۇ، ھەممىدىن يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم شەخسنىڭ رولىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
2418 ئۆزىرىلىك بېرىدۇر، ئوڭىدا قەلەم، قىلىچ تۇتتى بىرى، قولىدا ئەلەم.
2426 بولۇر تېز قىلىچ بىرلە يۇرت ئالغىلى، قەلەمسىز مۇمكىن ئەمەس ئەل تۇتقىلى.
داستان ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقنىڭ ياراتقۇچىسى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەمگەكچىلەر، دېھقانلار، چارۋىچىلار ۋە ھۈنەرۋەنلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، شائىر ئۇلارنىڭ غايەت زور رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە ئۇلارنى قىزغىن مەدھىيىلەيدۇ.
4400 يەنە بىر گۇرۇھ ئۇ دېھقانلار ئېرۇر، بۇلار بەك كېرەكلىك كىشىلەر تۇرۇر.
4403 پۈتۈن جانى بار ئاچ بولۇر ھەم تويۇر، تىرىك بولسىلا ئۇڭا موھتاج ئېرۇر.
4439 بۇلاردىن كېلەر سۈت بۇ چارۋىچىلار، پۈتۈن يىلقىلارغا بولۇر باشچىلار.
4442 قىمىز، سۈت يا يۇڭ، ياغ، قۇتۇق يا قۇرۇت، بېسات يا كىيىم ھەم ھۇزۇر ئۆيگە تۇت.
4456 يەنە بىر گۇرۇھ ئۇ ھۈنەرۋەن ئېرۇر، تىرىكلىك يولىدا ھۈنەرلەر قىلۇر.
4458 تۆمۈرچى، ئۆتۈكچى، يەنە تەرىپچى، يا سىرچى، بوياقچى، يا ئوقچى، ياچى.
شائىر ئالىملارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، ئەل - يۇرتنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى ئۆلۈكسىز تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ:
4341 يەنە بىر گۇرۇھ ئۇ ئالىملار ئېرۇر، ئۇلار ئىلمى خەلقنىڭ يولىن يورۇتۇر.
4352 ئۇلاردىن كېرەكلىك ساڭا ئىلمىدۇر، يېقىن كېلىپ ساڭا ھەق يولىن كۆرسىتۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا، شاھ ۋە ئوردىدا ئەمەلدارلارغا بىر قاتار ئاقىلانە تەلەپلەرنى قويۇش بىلەن بىللە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغىمۇ باتۇر، ۋىجدانلىق، ئاق كۆڭۈل، راستچىل، سەمىمىي، ھەققانىيەتچىل ۋە ئۆز ئارا كۆيۈمچان بولۇشنى؛ ئارزۇ - ئارمانلارغا يېتىش ئۈچۈن بىلىم ۋە ھۈنەر ئىگىلەشنى نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى «ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زور خىسلەت» دەپ ھېسابلايدۇ. مانا بۇلار شائىرنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى ئىلغارلىق، تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە خەلقچىللىقنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ، گەرچە ئۇ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق جەمئىيەتتە يارىتىلغان ئەسەر بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە بەلگىلىك رېئال ئەھمىيەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ يەردە. شائىرنىڭ دۆلەتنى ئىلىم - مەرىپەت، قانۇن ئارقىلىق، دېموكراتىك ئاساستا باشقۇرۇش، شاھتىن
تارتىپ جەمئىي پۇقرالارغىچە ئىلىم - پەن ۋە ھۈنەر ئۆگىنىش توغرىسىدىكى مەرتىۋە - ئورۇنلار كۆز قارىشى ئەڭ قىممەتلىك بولۇپ، مەلۇم تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىزگە مەلۇم، «بىلىم - كۈچ» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى 16 - ئەسىردىكى ئېنگلىز مۇتەپەككۇرى بېكون ئېنىقراق تەكىتلەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى راست، ئەمما، «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) دېگەن بۇ ئىلمىي ھۆكۈمنى مۇتەپەككۇر شائىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇنىڭدىن 500 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمۇ تارىخىي پاكىت، ئۇ ئالدى بىلەن، ئىلىم - پەن بىردىن بىر توغرا يول، بۇ ئارقىلىق كىشىلەر بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ، ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يېتىدۇ، بىلىم - ئىنسان ئەقلىنىڭ مېۋىسى ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ ئوزۇقى. كىشى تۇغۇلۇپلا بىلىملىك بولمايدۇ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمگە ۋە ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشەلەيدۇ، بىلىم - كىشىلىك جەمئىيەتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ بىلىم توغرىسىدىكى چوڭقۇر مۇھاكىمىسى ھېلىمۇ ئالقىشلاشقا ۋە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
-
بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، داۋالانمىسا ئۇ تېزلا ئۆلۈر.
-
كىشى كۆڭلى تۈپسىز دېڭىزدەك ئېرۇر، بىلىم ئۇنىڭچە ئوخشاش تۈۋىدە ياتۇر.
212 دېڭىزدىن چىقارمىسا ئونچە كىشى، قالۇر يەرقسىز بولۇپ ئونچە ساي تېشى.
شائىر ئۆزىنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش، ئىلمى - مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش، جەمئىيەتتىكى نادانلىق ۋە ناچار ئىللەتلەرنى ئىلمى - پەن ئارقىلىق تۈزىتىش توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى جاھالەتكە ۋە نادانلىققا قارىشى رەتسىئونالىزم كۆز قارىشىنى تەرغىب قىلىدۇ. ۋاھالەنكى، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك ۋە ناچار ھادىسىلەرنى پەقەت ئىلمى - پەن بىلەن تۈزگەتكىلى بولىدىغانلىقى، خەلق فېئودالىزم ئىسكەنجىسىدە تۇرۇۋاتقان، نادانلىق ۋە دىنى خۇراپاتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا ئىلمى - پەننىڭ رولىنى ئۆلۈچلەشنىڭ ئۆزى بىر خىل ئىلغارلىق ۋە تەرەققىپەرۋەرلىكتۇر.
شائىر دۆلەتنى تەرەققىي تاپتۇرۇش، مەملىكەتنى سىرتى تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىقتىن ساقلاش ئۈچۈن ئەسكىرى قوشۇن تۇرغۇزۇش، قوشۇنلارنى كۈچەيتىش ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن خەلقنى بېيىتىش بىردىن بىر يول ئىكەنلىكىنى؛ خەلقنى بېيىتىشنىڭ توغرا يولى بولسا، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ قانۇن توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:
3463 ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۈۋرۈك ئېرۇر، بۇزۇلسا بۇ قانۇن ئاسمان يىقىلۇر.
3464 يوق نەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا، يەتتە قات زېمىننى بۇزاتتى خۇدا.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەقىقەتەنمۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسى، دۆلەت، جەمئىيەت، ئەدەب - ئەخلاق، ئىلىم - مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرلىرى جەھەتتە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ تالانتلىق، چوڭقۇر پىكىرلىك مۇتەپەككۇرى بولۇشقا مۇناسىپ. چۈنكى، ئۇنىڭ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى يېڭى بىلەن كونا، ئىچكى ئامىل بىلەن تاشقى ئامىل، ھالاۋەت بىلەن جاپا، قېرىلىق بىلەن ياشلىق، يامانلىق بىلەن ياخشىلىق، ھايات بىلەن مامات توغرىسىدىكى چوڭقۇر ۋە مۇپەسسەل كۆز قاراشلىرىدا ساددا دىيالېكتىكىلىق ئىدىيىلەر روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بىز بۇ كۆز قارىشىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، داستاندىكى ئالاقىدار بايانلاردىن پەقەت بىرقانچە بېيىتنى مىسال كەلتۈرىمىز:
689 پۈتۈن تەم ۋە لەززەت يېڭىدا بولۇر، بۇ لەززەتنى ئىستەپ كىشى قېرىلۇر.
5109 ئېلىمگە سەن قارىما كىشى تېپىشقا، ئىچىگە قارا ھەم مەخپىي ئىشىغا.
1087 چىقىشقا چۈشۈش بار، ئىزگە پاتىق①، سۈيۈنچىكە قايغۇ - غەم، ئاچچىققا تاتىق②.
731 ئاي تۇغۇل تولامۇ كىچىك تۇغۇلۇر، كۈندىن كۈن چوڭىيىپ يۇقىرى چىقىدۇر.
434 ھالاۋەت ھەمىشە جاپا بىرلىدۇر، سۈيۈنۈش قايغۇلا دائم تەڭ يۈرۈر.
2250 قارا تۈن، يورۇق كۈن ئاراسى يىراق، يېشىل سۇ قىزىل ئوتقا بولماس قوناق③.
4817 سەن مەيلى بەگ بول يا مەيلى بول بىر قۇل، قالالمايسەن ئوزاق، ئۆلۈم توسار يول.
ئۆتكىنىكى ھەر قايسى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر، مەيلى قايسى دەۋر، قايسى سىنپنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچقايسىسى دەۋر ۋە سىنپنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلمىگەن. شۇڭا، ئۇلاردا ھامان ئۆز دەۋر ۋە سىنپنىڭ چەكلىمىكى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۆتمۈش دەۋرلەردە يارىتىلغان بارلىق ئەسەرلەرنى مۇئەييەن تارىخىي
① پاتىق — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) چۆككۈلۈك، تۆۋەن يەر. ② تاتىق — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) تاتلىق، لەززەت. ③ قوناق — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) قوناقچى، مېھمان.
شارائىتقا قويۇپ، ماركسىزملىق تارىخىي ماتېرىيالىزم قارىشى بويىچە تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى بىلەن رولىنى ھەمدە چەكلىمىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. پەقەت تارىخىي شارائىتقا بىرلەشتۈرۈپ، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلغاندىلا، ھەم ئۇنىڭ تارىخىي رولىنى كۆرۈۋالغىلى، ھەم ئۇنىڭ سىنىپىي ۋە تارىخىي چەكلىمىلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، ئەسەر ئۈستىدە توغرا ۋە مۇۋاپىق خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ.
ئەدەبىي مىراسلارنىڭ ئىلغارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەم تارىخىي، سىنىپىي چەكلىمىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش؛ ھەم ئۇنىڭ تارىختىكى ئىلغار رولىنى ئېتىراپ قىلىش، ھەم ئۇنىڭ بۈگۈنگە قارىتا پاسسىپ تەسىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش — قەدىمكى مەدەنىي مىراسلارغا تۇتۇلىدىغان توغرا پوزىتسىيە. ماركسىزم تېخى دۇنياغا كەلمىگەن چاغلاردىكى ئەسەرلەرنى زامانىۋى ھالدا ماتېرىيالىزم پىرىنسىپى بىلەن ئوخشاش ياكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ماركسىزملىق دۇنيا قاراش بار دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىش توغرا ئەمەس. نۆۋەتتىكى «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا تارىخىي ماتېرىيالىزمغا يات بولغان مۇنداق پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇلنى تەنقىد قىلماسلىقىمىز، سوتسىيالىستىك يۈكسەك ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش، ئىلىم-پەننى يۈكسەلدۈرۈش ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، قەدىمكى كلاسسىك ئەسەرلەرگە توغرا، ئىلمىي باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ئىلغار تەرىپىنى مۇستەھكەملەشتۈ
رۇپ، پاسسىپ تەرەپكە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، كىتاب خانىلارنى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تارىخىي ماتېرىيالىزملىق توغرا كۆز قاراش بىلەن ئوقۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن توغرا خۇلاسە چىقىرىشقا يېتەكلىشىمىز لازىم.
مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي، پەلسەپىۋى مەسىلىلەرگە دائىر بىر قاتار قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، خەلقنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلارغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئەگرى يوللار بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن. خەلقنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى، ئەخلاقىي پەزىلىتىنى مەدھىيىلىگەن. ئىلىم - پەننىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆتكۈرلۈك رولىنى تولۇقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ ئۆز دەۋرى ۋە سىنىپىنىڭ چەكلىمىسىدىن خالىي بولالمىغان، ھالقىپمۇ ئۆتەلمىگەن. بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:
بىرىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خاندانلىقى جەمئىيىتىنى «بۆرە بىلەن قوزا بىر ئېرىقتا سۇ ئىچىدىغان»، «پادىشاھ ئادالەت ۋە قانۇننىڭ ھامىيسى بولغان»، «ئادالەت - پادىشاھ بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆلچىمى بولغان»، ئىقتىساد، ھۈنەر ۋە ئىلىم - پەن گۈللەنگەن، خەلق باياشات بولغان غايىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ «دۆلەتنى تۈزەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ بولۇشى» نى «پادىشاھ ئادىل سىيا
سەت، ئادىل قانۇن يۈرگۈزگەندىلا، ئەلنى گۈللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى» نى، «ئادالەت ھەممىگە قارىتا بىردەك مۇئامىلە قىلىشتا ئىپادىلىنىدىغانلىقى» نى، «مەملىكەتتە ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈلسە، ئەل ئامانلىق تاپىدىغانلىقى، يامانلار ھوقۇق تۇتسا، يۇرت پاراكەندە بولىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ، ئاپتورنىڭ فېئودال ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىچىدىكى دېموكراتىك خاھىشتىكى ئىلغار مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
شائىرنىڭ يەنە شۇنداق غايىۋى جەمئىيەتكە تەشنالىق بىلەن ئىنتىلىشى، دەل ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشقا يۈز تۇتقان، ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىكلىشىۋاتقان، تۇرمۇش - جېدەللەر كۆپەيگەن، خەلقنىڭ ئۈستىدىكى تالاق - ياساق ۋە زۇلۇم - ئوقۇبەت كۆپەيگەن، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ جاھالەتلىك رېئاللىقىغا بولغان نارازىلىقى، بىزارلىقى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا «قۇتادغۇبىلىك» ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ئەمما شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، بۇ خىل غايىۋى جەمئىيەت فېئوداللىق دەۋردىكى فېئوداللىق ئىقتىسادىي بازىسى ئاساسىدىكى دېھقانلارنىڭ ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىل خىيالىي - ئۇتوپىيىلىك ئىدىيىسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ خىل غايە ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ، ئەلنى، خەلقنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. نۆۋەتتە ئۈستۈنكى، فېئودال پادىشاھلار ۋە ئەمەلدارلارغا نەسىھەت قىلىش يولى بىلەن
بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. لېكىن: «ئىككى خىل ئۇتوپىيە» دېگەن ئەسەردە: «ئۇتوپىيە ئورنى يوق نەرسە، خىيال-ئۇيدۇرما ۋە چۆچەك» دېگەن ئىدى. روشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرغىب قىلغان «غايىۋى جەمئىيەت»، «خىيالى دۇنيا» مۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشمايدىغان، بىر خىل خام خىيالدىنلا ئىبارەت ئىدى، كېيىن قاراخانلار خانىدانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى، شۇڭا، دەۋر ۋە سىنىپ كۆلتۈرۈپ چىقارغان بۇخىل تارىخىي چەكلىمىلىكنى توغرا تونۇش لازىم.
ئىككىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنىڭدىن ئازغىنە كەم 1000 يىل ئىلگىرى ياشىغانلىقى، ئۆز داستانىنى ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان بىر شارائىتتا يازغانلىقى، ئۆزۈنىڭ ئۈستىگە ئۆزى كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئىقرار قىلغاندەك، «خەير خەزلىغ ئەھەر» (تەقۋادار مۇسۇلمان) بولغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە ئەسەرنىڭ بەزى سەھىپىلىرىدە، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك توغرىسىدا بىر قەدەر ئاتېئىستىك ۋە ساددا ماتېرىيالىزملىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىم - پەيلاسوپلىرى تېخى يېشىپ بېرەلمىگەن پەلسەپىۋى سىياسىي مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىپ، يۇنان - رىم پەلسەپىسىدىكى ماتېرىيالىستىك ئېقىملارغا، فارابى ۋە ئىبنى سىنالارنىڭ ماتېرىيالىستىك نۇقتىئىنەزەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، ئۆزى يەنىلا ئىdealىستىك خام خىياللاردىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدىن خالى بولالمىغان ئىدى.
شائىر داستاندا، ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بويىچە، پەقەت خۇدالا بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان دەپ تونۇيدۇ، مەسىلەن:
قۇدرەتلىگەن نېمىلەر بارى يوقلۇر، تۆرىلىتكەن بىر ئاللا، نە قىلسا قىلۇر.
روشەنكى، شائىرنىڭ داستانى ئىدىيالىزملىق دۇنيا قاراشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالىمىغان. شەيئىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئاللاغا باغلاپ قويغان. بۇنى ئونىڭ 11 - ئەسىر مۆتىپەككۇرى ئىكەنلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل ۋە مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى، فېئودالىزم دەۋرىدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە فېئوداللىق ئاڭ ۋە ئەدەب - ئەخلاق قاراشنىڭ روشەن ئەكىس ئېتىشى، دېموكراتىك ئىلغار پىكىرلەر بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك ھادىسە ئەمەس. شۇڭا، ئۇلارغا دېموكراتىك مېغىزنى تاللاپ، فېئوداللىق شاكىلىنى تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم.
ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىك مەسىلىسى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە، دىققەت قىلماي بولمايدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بەدىئىيلىك ئاساسەن، يازغۇچى - سەنئەتكارنىڭ ھەرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەم ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۆز ئەسىرىدە تەسۋىرلەنگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن ئىپادىلىگەن ئى
دېمىۋى ھېسسىياتىنىڭ توغرىلىق، چىنلىق، تېپىنچىلىق ۋە جانلىقلىق دەرىجىسى بىلەن ئېستېتىك قىممىتى، بەدىئىي شەكلى، كومپوزىتسىيىسى، تىلى ۋە بەدىئىي ماھارىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە قارىتىلغان. ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ئۆزىگە ماس كەلگەن بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» يۈكسەك بەدىئىيلىككە، مەزمۇنى ۋە خاراكتېرى جەھەتتىن يۇقىرى تەلىم - تەربىيە ۋە كۈچلۈك دىداكتىك قىممەتكە ئىگە ئەسەر. ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن، لىرىكا بىلەن تىپىك بايان، درامانىڭ ئاساستىكى ۋەقەلىك بىرلەشتۈرۈلگەن شېئىرىي ئەسەر. ئىجادىيەت مېتودى جەھەتتىن، رېئالىزم بىلەن رومانتىزم زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن؛ بەدىئىي ئۇسلۇبى جەھەتتىن، قەدىمكى شەرق ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ كىلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل مىللىي ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلغۇچى ئورىگىنال ئەسەردۇر.
داستاننىڭ بەدىئىيلىكى جەھەتتە ئالدى بىلەن شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، بۇ ئەسەر كۈچلۈك بەدىئىي ۋاسىتە ۋە مەنتىقىي ئاساستا دۆلەتنى ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تۈزەش؛ ئومۇمەن ھەممە كىشى تىنچ، بەختىيار ھايات كەچۈرىدىغان «غايىۋى جەمئىيەت» قۇرۇشتىن ئىبارەت باش تېمىنى دەۋر قىلغان ھالدا، ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن، سىستېمىلىققا ۋە ئىزچىللىققا ئىگە. بۇ
خىل بەدىئىي مەنىگە شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى توغرا ئۆگىنىشتىن كەلگەن توغرا ئەقلىي بىلىشنىڭ ئوبرازلىق تەرەپكە كۆچۈرۈلۈشى ئىپادىسى بولۇپ، بەدىئىي تەسەۋۋۇرنىڭ بىر مەركىزىي نۇقتىسىنى بويلاپ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئوبرازلارنى ئورگانىك ھالدا ماسلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق تەسۋىرلەيدۇ. بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغان كىشى ئەدەبىي جەھەتتىن چوڭقۇر تەربىيە، بەدىئىي جەھەتتىن ئېستېتىك زوق ئالالايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بەدىئىي مەنىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، ئونىڭدا جاھالەتلىك، ھاكىم مۇتلەقلىق ھۆكۈم سۈرگەن فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئورنىغا مەرىپەتلىك، پەزىلەتلىك، ئۆلگىلىك خىيالىي جەمئىيەت قۇرۇش غايىسى مۇشۇ تۆت كونكرېت ئوبرازغا يىغىنچاقلانغان ھالدا روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
شائىر، كۈنتۇغدى (شاھ)نىڭ قولىدا خەنجەر، بىر يېنىدا شېكەر، يەنە بىر يېنىدا ئوراغۇن قويۇقلۇق ھالدا چەكسىز ئۈچ پۇتلۇق كۆرسىدە ئۇلۇغۋار قىياپەتتە ئولتۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەشتە ھەم ئايتولدىنىڭ يەل توپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەشتە ئوخشاشلا بەدىئىي مەنىدىن پايدىلىنىدۇ. چۈنكى، خاننىڭ قولىدىكى خەنجەر — ئىشنى كېسكىن ۋە تېز ھەل قىلىدىغانلىقنىڭ؛ شېكەر — دەرت-ئەلەملەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغانلىقنىڭ؛ ئوراغۇن — يامانلارنىڭ جازاسىنى بېرىدىغانلىقنىڭ سىمۋوللۇق ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. ئايتولدىنىڭ
يەل توپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقى، بەخت - سائادەتنىڭ خۇددى يەل توپقا ئوخشاش بىر يەردە تۇرمايدىغانلىقى، بەخت - سائادەتنى خۇددى ھۆركەك كىيىكنى تۇتقاندەك چىڭ تۇتۇپ، قاچۇرۇپ قويماسلىقنىڭ مەسئۇلىيەت ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، بۇ خىل بەدىئىي مەنتىقە بەدىئىي زوق قوزغاپ، كىتابخانلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇرۇشتىلا ئەمەس، ئەسەرنىڭ ئېستېتىك قىممىتى ۋە بەدىئىي ئۆنۈمىنى كۆچەيتىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شېئىرىيەت — ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ يۇقىرى تۈرى بولۇپ، سەنئەتنىڭ ھەر قايسى ئامىللىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ھەممە ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىدۇ. شېئىرىيەتنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغان داستان بەلگىلىك تارىخىي دەۋرنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇكەممەل سىيۇژېت ۋە پېرسوناژلار خاراكتېرىگە ئىگە چوڭ ھەجىمدىكى شېئىرىي ئەسەر بولغانلىقتىن، ئۆنىڭدىكى ۋەقە، پېرسوناژ، مەنزىرە كۆرسىتىش ۋە ھېس - تۇيغۇلار شائىرنىڭ كۈچلۈك بەدىئىي تەسەۋۋۇرى ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرى ئارقىلىق يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. شائىرلار داستاندا رېئال ھاياتتىن ھاسىل قىلغان تونۇشى ۋە تەسىراتىنى ئوخشىتىش، تەسۋىرلەش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە قاتارلىق تەسۋىرىي ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن كونكرېت، جانلىق ۋە يارقىن تەسۋىرلەيدۇ. بۇ جەھەتتە، داستان يالغۇز ئۆز دەۋرىدىكى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن داستانچىلىقنىڭ
يۈكسەك چوققىسى بولۇپلا قالماستىن، ھازىرقى شېئىرىيەت ۋە داستانچىلىق ئىجادىيىتىگىمۇ ئەۋرىشكە بولالايدۇ. ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك شېئىرىي مىسرالار بەدىئىي تەرەپ بىلەن بەدىئىي تەسەۋۋۇرنىڭ ھەقىقىي كرىستالى ياكى سەمەرىسى بولۇشقا مۇناسىپ، ئۇنى ئوقۇغان كىشى ھەقىقەتەن بىر - بىرىدىن گۈزەل، بىر - بىرىدىن جۇلالىق ئۈنچە - مارجانلار بىلەن، قىممەتلىك گۆھەرلەر بىلەن تولغان خەزىنىگە كىرىپ قالغاندەك، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولىدۇ ۋە ھاڭ - تاڭ قالىدۇ. داستان پەقەت مول ئەدەبىي مەزمۇنى جەھەتتىلا ئەمەس، شۇنداقلا روشەن بەدىئىي ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ دۇنيادىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇناسىپ.
شائىر ئادەم جىسمىنى قۇۋۋەتكە تولغان ياشلىق مەزگىلىدە، ئۇنىڭ ئەقىل - بىلىم قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز بولىدىغانلىقىنى، ئەقىل - بىلىم قۇۋۋىتى تولغاندا (قېرىغاندا)، جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
371 بويۇم ئەمدى ئېگىلدى، كۆڭۈل ئەمدى ياش، كۆڭۈلنى قىلغۇچە توق، بويۇم بولدى ياش.
مانا بۇ ئوبرازلىق تەسۋىرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئادەم قېرىغاندا جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىزلىسىمۇ، ئەقلىي قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. ياشلىقىدا جىسمانىي قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەقلىي قۇۋۋىتى ئاجىز بولىدۇ، دېگەن ئاب
تراكت پىكىرنى يا بىلەن ئوتقا تېگىش قىلىش ئارقىلىق ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان باھار مەنزىرىسىنى خۇددى ئۆستا رەسسامدەك مۇنداق جانلىق تەسۋىرلەيدۇ:
72 غاز، ئۆدەك، قىل①، ئاققۇ خۇشاللىق بىلەن، قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقىرى - تۆۋەن.
73 ئەنە كۆر، بىرى قونسا، ئۇچار ئۇ بىرى، بىرى ئۈزسە ئويناپ، ئىچەر سۇ بىرى.
74 تىزىلغان تۆگىدەك كۆكۈش②، تۇرنىلار، ئۇچار، يەلپۈنەر ھەم ئونىن ياقىرتار.
75 ئۇلاي قۇش سايرىدى تۈندەپ يولدىشىن، گۈزەل قىز قىچىرغان كەبى سۆيۈمىشىن.
76 قاقىلدىدى كەبلىك، كۈلۈپ قاتقارا③، قىزىل ئاغزى قاندەك، قاشى قاپقارا.
① قىل — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) بىر خىل قۇش، «قىل قۇيرۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ② كۆكۈش — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) بىر خىل قۇش. ③ قاتقارا — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) قاقاقلىماق.
شېئىردا شائىرنىڭ تولۇپ تاشقان ھېسسىياتى ئۆزىنڭ مول تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۆز ئارا بىرلىشىپ كەتكەن. شائىر «كەچ كىردى» دېگەن ئابستراكت ئوقۇمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۈن پاتقان چاغدىكى سېھرىلىقنى ئالتۇنغا، ھاۋانىڭ قاراڭغۇلاشقانلىقىنى شېشقىگە ھەم مەشۇقلار قېشىغا، كۈننىڭ ئولتۇرغانلىقىنى رۇمى قىزىنىڭ يۈزىنى يوشۇرغانلىقىغا تېمسىل قىلىپ ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ. «تاڭ ئاتتى» دېگەن ئابستراكت ئوقۇمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھاۋانىڭ قاراڭغۇلۇقىنى جاھاننىڭ قارا قوش يۈكى بىلەن توسالغانلىقىغا، كېچە قاراڭغۇسىنى قارا كۆڭلەككە، تاڭنىڭ يورۇغانلىقىنى قارا كۆڭلەكنىڭ يىرتىلغانلىقىغا، قۇياشنىڭ تۇغۇپ چىققانلىقىنى كۈلۈپ قارىغان قىزنىڭ يۈزىگە ئوخشىتىپ، مەجاز، مۇبالىغە ۋە ئىشارە قىلىش بەدىئىي ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاندا، ئىلىم - پەننە كامالەتكە يېتىشنىڭ، ئەقىل - پاراسەتلىك بولۇشنىڭ، ئەتراپلىق، چوڭقۇر ۋە توغرا پىكىر قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى ۋە تەرجىمانى تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تىل بىلەن ئىنسانلار بەخت - سائادەت تاپىدىغانلىقىنى، تىل بىلەن قەدىر - قىممىتى ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ:
274 ئەقىل كوركى تىلدۇر، بۇ تىل كوركى سۆز، كىشى كوركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كوركى كۆز.
دەپ يازىدۇ ۋە ئەسەرنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنىدا ۋەقەلەر
نى بايان قىلىش، پېرسوناژلارنى سۈرەتلەش، مەنزىرىلەرنى سېزىپ بېرىش دىئالوگ ۋە مونولوگلارنى تەسۋىرلەش جەھەتەلەردە ئۆزىنىڭ قەدىمكى تۈركىي تىلىنىڭ، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا «خاقانىيە تىلى» دەپ ئاتالغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقى ۋە تىل سەنئەتكارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
داستاننىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى — ئونىڭدا تەسۋىرلەنگەن رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەم ئىدىيىۋى ھېسسىياتنىڭ چىنلىقى، مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە پۇراقنىڭ قويۇقلۇقى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى رۇبائىي، تەجنىس، مەسنەۋى، تۇيۇق قاتارلىق ئارۇز ۋەزىن شەكىللىرىدىن بىمالال پايدىلانغانلىقى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئۆزۈملۈك ۋارىسلىق قىلغانلىقى قاتارلىق جەھەتەلەردىمۇ ئىسپاتلىنىدۇ. ئەمما بۇلار ئايرىم-ئايرىم تەتقىقات تېمىلىرى بولغاچقا، بۇ ماقالىدا تەپسىلىي توختالمايمەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ماكان، زاماننىڭ چەكسىزلىكى، ئەمما ئىنسان ئۆمرىنىڭ چەكلىكلىكىنى، ئەنە شۇ چەكلىك ھاياتنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوبرازلىق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
4819 سەن خاھى بولغىن باي، خاھى بول گاداي، تۇتۇپ يەر ئۆمرۈڭنى يىللار ۋە كۈن - ئاي.
سەن مەيلى مىڭغا كىر، مەيلى ئون سەكسەن، ئۆلۈرسەن، قويۇپ كەت، سەن بىر ياخشى ئىز.
دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك» مەزمۇن جەھەتتىن مول سىياسىي، ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى؛ يورۇتۇپ بەرگەن تېمىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ۋە ئالىم ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىدىغان؛ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغانلىقى ۋە ئۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى جاھانشۇمۇل بەدىئىي ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلەن تالانتلىق ئەدىب ۋە بۈيۈك شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نادىر ئەسەردۇر.
بىز بۇ، كىشىلىك بەخت - سائادەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن، كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۆزىنىڭ قالدۇرغان ياخشى ئىزلىرى بىلەن ئىگە بولىدۇ دەپ ئىشەنگەن مەشھۇر ۋە ئىنسانپەرۋەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كېيىنكى ئىككى مىسرا بېيىتنى ئېسىمىزدە تۇتۇپ ۋە ئەستايىدىل ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ نادىر ئەسەرلىرىنى «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى ۋە ئەنئەنىۋى خۇسۇسىيەتلىرى
ئابدۇكېرىم راخمان
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىگە بېرىلگەن مۇقەددىمىسىدە ئېيتىلغاندەك: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت قوبۇل قىلىندىن كېيىنكى يازما ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئىي ئەسەر»① بولۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك بەدىئىي ئەدەبىياتىنىڭ تىپىك نەشرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر داستاننى بەدىئىي ئەدەبىيات كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈشىمىزنىڭ ئاساسى شۇكى، 11-ئەسىر قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ جامائەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ شائىرانە ھېس-تۇيغۇ بىلەن يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىي تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ياردىمىدە رېئال تۇرمۇشنى تەسۋىرلەپ، كىتابخانلارنى ئاجايىپ گۈزەل شېئىرىيەت ۋە تىلىم-مەرىپەت باغچىسىغا باشلاپ كىرىدۇ. نەتىجىدە، ئەسەر بىزنى ئالدى بىلەن مەنتىق تەپەككۇر
① «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-بەت.
ۋە روشەن ئوبرازلىق تەسەۋۋۇرلىق كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بەدىئىي زوقلاندۇرۇش كۈچى ئارقىلىق ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن تولۇق شېئىرىي ماھارەتنىڭ مېۋىسى، ئۆزىگە خاس مىللىي تۈسلۈپ، جانلىق بەدىئىي مېتودنىڭ نامايەندىسى. شۇڭا بىز «قۇتادغۇبىلىك» نى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي قامۇس دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز. ژانىر خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەسەر دراماتىك ئېلېمېنتلار بىلەن سۇغىرىلغان لىرىك - ئېپىك داستان ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر مۆجىزىدىن تارىخىي ۋەقەلەر ۋە قەھرىمانلار غايىسى كۆلىمىدىكى ئېپوپېيە ئەمەس، ئۇنىڭدا كۈچلۈك لىرىكا روھى بار. لېكىن ئۇ نوقۇل لىرىك داستانمۇ ئەمەس، ئۇ درامىمۇ ئەمەس بەلكى ئۈچ خىل ئامىلنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان، رېئالىزم بىلەن رومانتىزم تەبىئىي ھالدا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئەقىل ۋە ھېكمەت دەرسلىكىدۇر.
مۇندىن مۇقەددەم «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا ئەمگەك سىڭدۈرگەن كۆپلىگەن ئالىملار بۇ ئەسەرنى مەزمۇن خاراكتېرى جەھەتتىن «دىداكتىك داستان» دەپ ھۆكۈم قىلىشتى ۋە مۇشۇ نۇقتىدا «قۇتادغۇبىلىك» نى دۇنيادىكى داڭلىق بولغان دىداكتىك روھتىكى ئەسەرلەر قاتارىغا قويۇپ پارس، تاجىك تىلىدا يېزىلغان دىداكتىك ئەسەرلەردىن تۈرك سالچۇقلىرى ۋەزىرى نىزامۇل مۈلۈكنىڭ «سىياسەتنامە» («سىيەرۇل مۈلۈك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھىجرىيە 479 - يىل، مىلادى 1077 - يىل) ھەم
ده ئۆمەر كەيكائۇۋۇسنىڭ ئوغلى گىلانشاھ ئۈچۈن يازغان «قابۇسنامە» (ھىجرىيە 485 - يىل، مىلادى 1082 - يىل) ئەسەرلىرى بىلەن مەقسەتداش بەردۇر»① دەپ قاراپ كېلىندى. دەرۋەقە، «دىداكتىك» سۆزىنى ئەدەب ئەخلاق ۋە تەلىم - تەربىيە ئوقۇمى بىلەن بۇ ئەسەرگە تەتبىقلىسا بۇ باھا قىسمەن مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن توپ مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ئەسەر نوقۇل نەسىھەت بىلەنلا چەكلەنگەن دىداكتىك داستان ئەمەس. چۈنكى، ئەسەردە شائىر ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرى پاش قىلىنىپ، ئەينى زامان رېئال ئىجتىمائىي ھاياتى بەدىئىي لىباس ئىچىدە سۈرەتلىنىپ بېرىلگەن. كەلگۈسى گۈزەل ھاياتقا باشلايدىغان غايىۋى پىكىرلەر ۋە ماھىيەتلىك تەشبىھلەر، ئەقىل ۋە ھېكمەت مۆجىزىسىدەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ ئەسەر گۇمانىزم ئەدەبىياتىغا خاس بولغان خەلقچىللىق روھى ناھايىتى روشەن چاقناپ تۇرىدۇكى، بۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىق ئۇنىڭغا «دىداكتىك» دېگەن خاراكتېرىستىكىنى بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان مەنا بىلەن قوللىنىش ئىمكانىيىتىنى بەرمەيدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، 11 - ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدا دىداكتىك ئەسەرلەرنى يېزىش بىر قەدەر ئومۇمىيلىققا ئىگە مەلۇم بەدىئىي ئەنئەنە ئىدى. مۇشۇ تارىخىي دەۋرگە ۋەكىللىك قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاس ھا--- ① قا. كەرىموف: «تەلىمىي بەدىئىي داستان»، ئۆزبېكچە، 1976 - يىل نەشرى.
جەمئىي ۋە ئابرۇيلۇق جامائەت ئەربابى بولغان يۈسۈپ بالا ساغۇنى، ئىجتىمائىي دۇنيا قاراش جەھەتتىن ئەنە شۇ بەدىئىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ رېئاللىققا تۇتقان ئاكتىپ پوزىتسىيىسى ۋە ئوبيېكتىپ ھاياتنىڭ تۆرتىنچى ئاستىدا شەكىللەنگەن گۇمانىزمچىلىق غايىسى سىڭگەن بۇ ئەسەر ئىجتىمائىي ئۆزۈم جەھەتتىن 11 - ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى ئورتاق دىداكتىك ئەنئەنىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتكەن. بۇ بىزگە نەزەرىيە جەھەتتىن دۇنيا كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا فېئودال ھۆكۈمران تەبىقىدىن چىققان بەزى داڭلىق رېئالىست يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن ئۇلار ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزۈمى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن تەڭلىك بولمايدىغانلىق ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شائىرنىڭ ئۆزى كېلىپ چىققان سىنىپ ۋە گۇرۇھ مەنىپىئەتلىرىنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە 11 - ئەسىر قاراخانىلار جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي قاتلاملار، يەنى ئاددىي پۇقرادىن تارتىپ ئەڭ ئالىي مەنسەپدار - ئېلىك خانلار، خاقانلار ئارىلىقىدىكى بارچە تەبىقە ۋە تائىپىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت، مۇئامىلە، ئەخلاق نورمىلىرى قانداق بولۇش كېرەكلىكىدەك ھاياتىي ئەھمىيەتلىك رېئال مەسىلىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قايىل قىلارلىق دەرىجىدە جاۋاب بېرىلىشىنىڭ سەۋەبى، بەزىنچە، مۇنداق ئىككى تەرەپكە باغلىق: بىرىسى، مەۋجۇت ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ تۆرتىنچىسى. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قارا
121
خانلار دۆلىتىنىڭ 180 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىت قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىپ كامالغا يەتكەن كۈنلىرىدىن (گەرچە ئىچكى قارىمۇ قارشىلىق بىلەن تولغان بولسىمۇ) ئاستا - ئاستا چۈشكۈنلىشىپ پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن، ئوردا ماجىرالىرى كۆپىيىپ، دۆلەتنىڭ ئەھۋالى خارابلىشىۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىدى. قاراخانلارنىڭ گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا يۈزلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئوبيېكتىپ رېئاللىق يۈسۈپ خاس ھاجىپقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، بۇ يامان ئاقىۋەتنى ئالدىن ھېس قىلغان شائىر جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ئىجتىمائىي فورماتسىيىسىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەرنى يەكۈنلەپ، گوياكى «قوي بىلەن بۆرە بىر قوتاندا ياشايدىغان» تىنچ، پاراۋان بىر غايىۋى دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئوبرازىنى سىزىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ باي تۇرمۇش تەجرىبىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ جانلىق ئىجتىمائىي مەنزىرىلىرى ساھەسىدىكى چوڭقۇر چۈشەنچىسى، ئۆزى ياشىغان دەۋرگىچە بولغان ئۆتمۈش ھايات، كېچىمىش زامان ھەققىدىكى ئەتراپلىق بىلىملىرى، جۈملىدىن شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئىلىم - پەننىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولغانلىقىدەك سوبيېكتىپ ئامىللار «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت كىشىلەرنى «بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم» نى يارىتىشقا ئىمكانىيەت بەرگەن. دېمەك، ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى سوبيېكتىپ جەھەتتىن ئۆز دەۋرىنىڭ تولۇق ئەدەبىي سۈپىتىدە جاھالەتلىك ئوتتۇرا ئەسىر پ
كەر ئېقىمىدا نۇرلۇق يۇلتۇز بولۇپ پارلىغان فارابى تەلىماتلىرىنىڭ خۇلاسىمەن ۋارىسى ئىدى. ئوبيېكتىپ جەھەتتە، ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلق ئاغزاكى ئىجادىدا نامايەن بولغان رېئالىزملىق ۋە ئاكتىپ رومانتىزملىق روھ، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك غايە ئاپتورنىڭ تەرەققىيپەرۋەر قاراشلىرىغا تورتكىلىك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئىككى ئامىل بىرلىشىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگىكىنى ماددىي ۋە مەنىۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى. «قۇتادغۇبىلىك» تە تىلغا سۈرۈلگەن دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت، ئادالەت، بەخت - سائادەت، ئەقىل - پاراسەت ھەمدە قاناەت توغرىسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كۆز قاراشلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي ئەنئەنىۋى پىكىرلەر ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئاساستا تۇرغانلىق باغلىنىش مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام شەرقنىڭ بۇ ئىلغار ئىدىيىۋى ۋە بەدىئىي قاراشلىرى شۇ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇم كىشىلىك خاراكتېرى سۈپىتىدە، قاراخانىيلار ئەدەبىياتىنىڭ ۋە ئۇندىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر كلاسسىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرى ئارقىلىق ياراتقان ئىجادىي، مەنىۋى مەدەنىيەت مۆجىزىپەيدى تەرىپى ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئۆلچەملىك غايىۋى كۆز قاراشلىرىنى ئاۋام خەلق ئىجادىيىتىدىكى تېپىككۆر مۆجىز
پەقىيەتلىرىدىن، بىر پۈتۈنلۈككە، تاشقى ۋە ئىچكى گارمونىيىلىككە ئىگە بولغان بەدىئىي پىكىر قىلىش ئىزچىللىقىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ پىكىرىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەندى - نەسىھەت خاراكتېرلىك قوشاقلىرىنىڭ، ھەمدە ئۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن «تۇرپان تېكىستلىرى» ئىچىدىكى «بىلىمنى ئۇلۇغلاش» مەزمۇن قىلىنغان قوشاقلارنىڭ تېمىسى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا يارىتىلغان تۆت كونكرېت بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان غايىۋى پىكىر، مەزمۇن ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي باغلىنىشنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك كۇپايە.
«دىۋان»دا:
تېكىستى: ئالغىل ئۆگۈت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە، بويىدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇپ بىلىك ئۆلە.
يەشمىسى: (ئەي ئوغۇل، مېنىڭ نەسىھىتىمگە قۇلاق سال، پەزىلەت تىلە، ئەل ئارىسىدا ئۇلۇغ ئالىم بول، بىلىمىڭنى تارقات.)
تېكىستى: بىلگە ئەرىگ ئەزگۈ تۇتۇپ سۆزنى ئەشت، ئەردەمنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سۇرا.
يەشمىسى: (بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ، سۆزىنى ئاڭلا، پەزىلەتنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇر.)
تېكىستى: ئەردەم تىلە، ئۆگرەنىپەن بولما كۆۋەز، ئەردەمسىزىن ئۆگۈنسە ئەگمە كۆدە ئەگەر.
يېشىمىسى: (ئىلىم - ھېكمەت ئىزلە، ئۆگىنىشتە مەغرۇرلانما، نادان كىشى ماختانسا، سىناق ۋاقتىدا مات بولۇپ قالىدۇ.)
«قۇتادغۇبىلىك» تىن:
1493 ئوغۇلنى كىچىكتە ئوقۇتماق زۆرۈر، كىچىكلىكتە بىلسە تۇتۇغلۇق بولۇر.
154 ئەقىل قايدا بولسا تۇتۇغلۇق بولۇر، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر.
155 ئەقىللىق ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۇر، بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.
160 كىشىگە ئېرۇر كۆپ ئەقىل پايدىسى، بىلىم بىلسە ئىنسان ئەزىز بولغۇسى.
«تۇرپان تېكىستلىرى» دىن:
تېكىستى: بىلىگ بىلىك يا بەگىم، بىلىگ ساڭا ئەش بولۇر.
بىلىگ بىلگەن ئول ئەرگە، بىر كۈن دۆلەت تۇش بولۇر.
يەشمىسى: (بىلىم ئىگىلىگەن ئەي بېگىم، بىلىم ساڭا يولداش، ھەمرا بولىدۇ. بىلىم ئىگىلىگەن شۇ ئەرگە ھامان بىر كۈن دۆلەت يار بولىدۇ.)
تېكىستى: بىلىمىلىك ئەر بىلىگى، تاش قۇز سانسا قاش بولۇر. بىلىمسىزنىڭ يېنىغا، ئالتۇن قويسا تاش بولۇر.
يەشمىسى: (بىلىملىك ئەرنىڭ بىلىگى، تاش قىستۇرسا قاش — قاشتېشى، ئۈنچە-ياقۇتقا ئايلىنىدۇ. بىلىمسىزنىڭ يېنىغا ئالتۇن قىستۇرسا، تاشقا ئايلىنىدۇ.)
«قۇتادغۇبىلىك» تە:
1953 بەگ ئاتى بىلىگ بىرلە باغلىق تۇرۇر، بىلىك «لامى» كەتسە، بەگ ئاتى قالۇر.
1968 بىلىم بىرلە تۇتار ئېلىنى بېگى، بىلىم بولمىسا، ئىشقا يەتمەس ئۈگى.
1971 ئەقىل ھەم بىلىم بەگكە بەكمۇ كېرەك، داۋالار كېسەلنى شۇلار بىرلە بەگ.
نەقىل قىلىنغان بېيىتلاردىن باشقا 1952 - 1954 -، 1956 -، 1966 -، 1967 -، 1970 -، 1972 - بېيىتلاردىمۇ ئەنە شۇ پىكىر تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسەردە مەرىپەتلىك ھالدا ئادەمگەرچىلىك، راستچىللىق، توغرىلىق، ساپلىق، مېھرى - مۇھەببەت، ۋاپا، شەپقەت - مۇرۇۋۋەت، ئىنساپ، ئادالەت، ئىشەنچ، ساداقەت، خۇش پېئىللىق، شېرىن سۆزلۈك، مۇلايىملىق، saxawet، ئوچۇق كۆڭۈللۈك، مەرتلىك، خالىسلىق، ھۆرمەت - ئېھتىرام، تەدبىرلىك، تاقەتلىك، ھالاللىق، بۈزۈكلۈك قاتارلىق ياخشى خىسلەت ۋە پەزىلەتلەرنى غەيرىي ئىنساپلىق، يالغانچىلىق، ئەگرىلىك، ناپاكلىق، بىمەنەلىك، تائەتسىزلىك، زۇلۇم، ئىشەنچسىزلىك، ساداقەتسىزلىك، ئەخلاقسىزلىك، قوپاللىق، ھۆرمەتسىزلىك، نادانلىق، جاھىللىق، ھارامزادىلىق، ھاكاۋۇرلۇق، مەنەمچىلىك، خوشامەتچىلىك، نەپسىبەلەيلىك قاتارلىق سەلبي خۇسۇسىيەتلەر بىلەن سېلىشتۇرما قىلىدۇ ۋە شۇ ياخشى خىسلەت، پەزىلەتلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بەخت - سائادەت بىلەن سەلبي خۇسۇسىيەتلەر تۈپەيلىدىن سادىر بولىدىغان ھالاكەتلىك ئاقىۋەتلەرنى جانلىق مىساللار، ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ. روشەن سېلىشتۇرمىلار ئارقىلىق، ئاپتور نەزىرىدە ھاسىل بولغان بۇچىن ئىنسان ۋە ئونىڭدا بولۇشقا تېگىشلىك مۇقەددەس
خۇسۇسىيەتلەر ئومۇم كىشىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا گۇمانىزم غايىسىنىڭ تۇنجى ساداسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتەپەككۇر شائىر بۇ ئەنئەنىۋى قاراشلارنى ئۆز ئەسىرىدە ئىپادىلىگەندە، قانداقتۇر بىر تەقۋادار زاھىتلىق نىزامى بويىچە ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش تەلەپتىكى تەرەققىيپەرۋەر ئوپتىمىست (گەرچە ئۇتوپىك بولسىمۇ) سۈپىتىدە فېئوداللىق تۈزۈم ماھىيىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان نۇقسان، ئىللەت ۋە كەمچىلىكلەرنى جۈرئەت بىلەن تەنقىد قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق نۇقسانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش ئارقىلىق، بىر پارلاق غايىۋى جەمئىيەت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شائىر قان - تەرىنى سەرپ قىلىپ ئۆز دەۋرى ئۈچۈن غايەت زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «ئادالەتلىك شاھ» غايىسىنى ئوتتۇرىغا سۈرىدۇ. شائىر مەملىكەتتىكى زۇلۇم ۋە زورلۇقنى، مۇھتاجلىق ۋە خورلۇقنى پەقەت بىلىم ۋە قانۇنغا تايانغان پادىشاھنىڭ ئادىل سىياسىتى بىلەنلا يوقىتىش مۇمكىن دەپ چۈشىنىدۇ. فېئودالىزمنىڭ راۋاجلانغان دەۋرىدە، يەنى فېئوداللار مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، گەرچە دۇنيالېستىك ئۇسۇلدا بولسىمۇ، «ئادالەتلىك شاھ» غايىسىنىڭ شۇ يوسۇندا ئوتتۇرىغا مەسىلە قىلىپ قويۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭدەك «قۇتادغۇبىلىك» تە مېھنەتكەش خەلق ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان مۇھىم - شەپقەتلىك، خەلقنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى «ئادالەتلىك
ھام» ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمدارلىرىنى يۇرتنى ئاۋات، خەلقنى پاراۋان ۋە تىنچ ھايات كەچۈرۈشكە، ئىنساپ بىلەن ئادىل ئىش كۆرۈشكە چاقىرىش تېمىسى دەۋر ئېھتىياجى بىلەن ئالغاندا، ئەڭگۈشتەر قىممەتلىك ئىدى. بۇ غايە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىزچىللىققا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى تېما بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇنى تېخىمۇ تاكامۇللاشقان مۇكەممەل بىر ئەدەبىي سىستېمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىيات زېمىنىدە يىلتىز تارتقۇزدى. «قۇتادغۇبىلىك» ئەسەرنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، شۇنىڭ ئۈچۈن شائىرنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان ئەنئەنىۋى مەزمۇن بىرلىكىدىن چەتنەپ كېتەلمەيمىز.
مۇنداق ھالەتنى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكىدىن تاشقىرى، يەنە ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن كومپوزىتسىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتىكى خاسلىق ۋە ئورتاقلىق ئالامەتلىرىدىنمۇ كۆرۈش مۇمكىن.
«قۇتادغۇبىلىك» كومپوزىتسىيە جەھەتتىن شەرق نۇسۇخىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن مۇندەرىجە شەكىلدە ھەر قايسى بابلارنىڭ نامى، ئوندىن كېيىن قىسقا نەسرىي مۇقەددىمە بېرىلگەن. ئۇنىڭدا تەڭرىگە ھەمدۇ، پەيغەمبەر ۋە ساھابى يارلارغا سانا ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىتابنىڭ قىممىتى، نام - تەرىپى، خانغا
تارتۇق قىلىنىشى، مۇئەللىپنىڭ خان تەرىپىدىن خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانى بىلەن تەقدىرلىنىشى، تۆت سىمۋوللۇق قەھرىمانغا ئۇيغۇرچە نام بېرىلىشى، ئەسەردە باشتىنئاخىر ئەنە شۇ تۆت قەھرىمان پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدا دراماتىك تۈس ئالغان مۇنازىرە ۋە سوئال-جاۋابلار بولۇپ ئۆتۈشى شەكىلدە خەۋەر بېرىدۇ.
ئەسەرى مۇقەددىمىدىن كېيىن 77 بېيىتتىن تەركىب تاپقان شېئىرىي مۇقەددىمە بار. ئۆندىن كېيىن 85 باب نامىنىڭ مۇندەرىجىسى بېرىلگەن. بۇ 85 بابنىڭ دەسلەپكى 11 بابى ئەسەرنىڭ ئۆزىگە خاس كىرىش قىسمى سۈپىتىدە ھەمدۇسانا، تەبىئەت گۈزەللىكى ۋە بۇغراخان مەدھىيىسى، يەتتە يۇلتۇز ۋە 12 بۇرچ، تىلنىڭ پەزىلىتى، مۇئەللىپنىڭ ئۆزرىسى، ياخشىلىق قىلماق خۇسۇسىدا ئۆگۈت ۋە نەسىھەت، بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ پەزىلىتى ھەم پايدىسى، كىتابقا نام بېرىلىش ۋە نادانلىققا ئۆكۈنۈش بايانىدىن ئىبارەت. 12- بابتىن باشلاپ 85- بابقىچە بىۋاسىتە ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاساسىي سۇژېتى ئەنە شۇ ۋەقەلەر بايانىدا قانات يايىدۇ. ھۆكۈمدار كۈنتۇغدىنىڭ ئىلىمگە، مەرىپەتكە مۆھتاجلىقى، ئالىم ۋە پازىل ئادەملەرنى توپلاپ ئۇلارغا ھامىيلىق قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغان ۋەزىر ئايتولدىنىڭ شاھ ھۇزۇرىغا يېتىپ كېلىشلىكى ۋە سارايدا قوبۇل قىلىنغانلىقى، ئايتولدى ۋەزىرنىڭ ھاياتى تۈگەرلەنگەندىن كېيىن، ئۆنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئۆگدۈلمىش مەيدانغا چىققانلىقى قاتارلىق كونكرېت ۋەقەلەر بىلەن
سۇژىت قانات يايىدۇ. ئونىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر داۋامىدا مەلۇم سۇژىت بولمىسىمۇ، لېكىن تۆت قەھرىماننىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسىدا تۈرلۈك زور مەسىلىلەر بىر - بىرىگە باغلاپ بايان قىلىنىدۇ. ھەر بىر بابتا مەلۇم بىر مەسىلە بايان قىلىنىپ، ئاخىرىدا شۇ بابنىڭ بايانى سۈپىتىدە بىر بېيىت كەلتۈرۈلىدۇ. ئاخىرقى (ئۈچ) بابىدا ئەسەرنىڭ خاتىمىسى سۈپىتىدە ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش لازىملىقى ۋە مەنلىك ياشاش ھەققىدە ئاجايىپ ھېكمەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنىڭ كومپوزىتسىيىسىنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن تۈزگەن، ئۆز ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان توپ غايىنى تۆت قەھرىمان ئوبرازىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى بىلەن زىچ باغلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. كۈن بىلەن ئاينىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ماھىيەتتىكى ئورنى ۋە رولى ئەسەردە كۈنتۇغدى ۋە ئايتولدى ناملىرى بىلەن تەققاسلىنىپ، مەزمۇن تەسۋىرىدە ئورگانىك بىرلىك ھاسىل قىلىنغان. ئىسلامىيەت قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە نام - ئىسىملارنىڭ ئۆزگىرىشى دۆلەتنى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۇ دەۋردە شەرقتىكى مۇسۇلمان پادىشاھلىقى — قاراخانىلارنىڭ خاس ھاجىپى ۋە تولۇمىسى بولغان بىر زاتنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىگە ئايلانغان ساپ ئۇيغۇرچە نام - ئىسىملارنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئاساسىي پېرسوناژلارغا تارتۇق قىلىشى بىر مىللەتنىڭ
ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدە بەلگىلىك ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئەلۋەتتە دىققەت - ئېتىبار قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كېيىنكى ئىككى قەھرىمان ئوبرازىغا كەلسەك، تۈگۈلۈش ئەسەردە ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى. ئونىڭدىكى ئۆگ (ög) سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئەقىل - پاراسەت مەنىلىرىدە بولۇپ، شائىر بۇ توپ سۆزنىڭ مەنىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاللىگورىيە ئۈسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ قەھرىمانلارغا خاس خاراكتېرىستىكا بەرگەن. ئودغۇرمىش قانائەت ياكى ئاقىۋەت سىمۋولى بولۇپ، ئود (od) سۆزى ئويغاق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شائىر بۇ نامدىن پايدىلىنىپ، رېئاللىقتىن قول ئۈزگەن، لېكىن دائىم ئويغاق تۇرىدىغان مۆرىكەكەپ پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە بىر زاھىت دانىشمەننىڭ خاراكتېرىنى سىزىپ بېرىدۇ.
بۇ تۆت قەھرىمان ئوبرازىنىڭ نام - تەرىپى ئۆلارنىڭ ئەسەردە بېرىلگەن خاراكتېرىستىكىسى ۋە پائالىيىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، ئۆلار ئارىسىدىكى مەنتىقىلىق باغلىنىش «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي غايىگە بويسۇندۇرۇلغان. ئەسەر كومپوزىتسىيىسىنىڭ پۇختىلىقى، ئورىگىناللىقى مەنتىقىلىق ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىلگەن.
ئەسەرنىڭ بەدىئىي تۈزۈلۈشى توغرىسىدا گەپ ئاچقاندا، شۇ نەرسە خاراكتېرلىككى، شائىر بۇ ئەسەردە ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئەدەبىياتنىڭ شەكىل تۈزۈلۈشى، بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى، ئۇسلۇب ۋە تىل ئىشلىتىش ئۈسۇللىرى جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئونى تېخىمۇ
كامالەتكە يەتكۈزدى. ئونىڭدا مەجازى ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، سىمۋول، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە، مېتافورا، مېتانومىيە ئەپچىللىك قاتارلىقلارنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ئۈلگىلىرى ئۇچرايدۇ. بۇ پىكىرنى دەلىللەش ئۈچۈن، 63- بېيىتتىن 85- بېيىتكىچە ھەمدە 4959- بېيىتتىن 4967- بېيىتكىچە بولغان بېيىتلارنى نۇقتىلىق كۆزدىن كەچۈرسەك كۇپايە قىلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ داستاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىدۇ. ئۇ ھەرقايسى ساھە بويىچە پىكىر يۈرگۈزگەندە، شۇ ساھەنىڭ يېتىلگەن دانالارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، شەرق كلاسسىك پوئېزىيىسىگە خاس بولغان ئېرسالۇلمەسەل (سۆزلەرنى مەسەل بىلەن كۆچۈرۈندۈرۈش) سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. ئەسەردىكى 180 دىن ئارتۇق رۇبائىيلارمۇ ئەنە شۇ ئېرسالۇلمەسەل ئۇسۇلى بىلەن كۆچۈپ يېتىلىپ، ھېكمەت دۇردانىلىرى بىلەن تولغان زوقلىنارلىق گۈزەل شېئىرىيەت باغچىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنداق قىلىپ ئەسەردە رۇبائىي، قەسىدە، مەسنەۋى، تەجنىس، تويۇق قاتارلىق ئۇيغۇر كلاسسىك پوئېزىيىسىنىڭ ئەنئەنىۋى تۈر، ژانرلىرى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان. بۇ تۈر ۋە ژانرلار ئارۇز ۋەزنىنىڭ تىپىك تۈرى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ئەڭ ئاھاڭدار ۋەزنى، جۈملىدىن شەرق نەزمى ئارۇزىدا «جەڭگۈۋار ئۆلچەم» دەپ ئاتالغان مۇتاقارىپ بەھرىدە يېزىلغان. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، ئەسەر
نىڭ 71-، 72- بابلىرى (پەسىللىرى) كىتاب ئاخىرىدىكى خاتىمە سۈپىتىدە بېرىلگەن ئىككى قەسىدە مۇتەپەككۇر مۇئەللىپنىڭ سالىمى بىلەن، ئۆزىدىن قالغان ھەممە قىسىملىرى مۇتەپەككۇر مۇئەللىپنىڭ مەھزۇن ۋە مۇتەئەسسىپ مۇئەللىپنىڭ مەستۇر ئۆزىنى بىلىش بىلەن يېزىلغان. لېكىن ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھرىلىرى شائىر قەلىمى ئاستىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس فونېتىك قائىدىلىرىگە بويسۇندۇرۇلغان. شۇنداق قىلىپ، شائىر شېئىرىي ۋەزىن جەھەتتىنمۇ بۇ داستاندا زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن. يۇقىرىقى پىكىرلىرىمىزدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنكى، «قۇتادغۇبىلىك»، يېڭىدىن ئايرىپ چىقىپ، تايىنىپ مېڭىۋاتقان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەمەس، بەلكى قەدىمىي ۋە يۈكسەك بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى①، شەرق خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىسى بىلەن بەدىئىي ئېستېتىك ئەنئەنىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىياتىغا بولغان راۋاجى. ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن تولۇق بەدىئىي ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «ھەم تارىخ، ھەم پەلسەپە، ھەم «سىياسەتنامە» ياكى دۆلەتچىلىك، ھەم ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە ۋە ئۇزاق ئۆتمۈش ھايات بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى
① «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، مۇقەددىمە، 15-، 16- بەت.
رېئال ھاياتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن سىستېمىلىق بىر ئىلمىي ئەسەر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، شەرق مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تارىخىنى، بولۇپمۇ قاراخانىيلار سەلتەنىتى تارىخى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تارىخىنى، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەلسەپە، ھوقۇق (قانۇن)، ئېتىكا (ئەخلاق)، تەلىم - تەربىيە، دىنىي ئېتىقاد، دۇنيا قاراش، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە.» ②
② «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىل ئۆزبېكچە نەشرى مۇقەددىمە، 16 - بەت.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى مۆلاھىزە
ئامانۇللا
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى چوڭ تىپتىكى ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماي، يەنە 11 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيىسىنى، قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرەققىياتىنى مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تارىخىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنىڭ باي ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى ئىلىم - پەن، مائارىپ، دۆلەت، قانۇن، تىل، تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت، تەبىئەت، ئىجتىمائىيەت، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن بۇ ماقالىدە پەقەت ئىجتىمائىي ئەخلاق توغرىسىدىكى مەسىلە ئۈستىدىلا قاراشلىرىمنى قويىمەن.
1
ئىلىمىمىزنىڭ پەلسەپە تارىخى، ئېتنىك تارىخىنىڭ
مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان شانلىق نامايەندە «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئەخلاقىي تەربىيە بايانىدا، گەرچە ئەخلاق توغرىسىدىكى مەزمۇن ۋە تەبىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختالمىسىمۇ، لېكىن داستاندا باشتىن ئاخىر ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن ھەمدە بۇ ناھايىتى توغرىلىق ۋە كەڭدىلىك ھالدا بايان قىلىنغان.
ماركسىزمدىن بۇرۇنقى ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ تەرەققىيات تارىخى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي ھادىسىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ پەيدىنپەي چوڭقۇرلىشىش تارىخىدىن ئىبارەت. بۇ تارىخ بىر تەرەپتىن، ماتېرىيالىستىك قاراش بىلەن ئىدىيالىستىك قاراشنىڭ كۈرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىي ھادىسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان مەيدان ۋە نۇقتىئىنەزىرى بويىچە چۈشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنىڭ كۈرىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر قانداق مەسىلىنى كۆزەتكەندە، ئۇنىڭغا كونكرېت تارىخىي ھالدا قارىغانغا ئوخشاش، ئەخلاقىي تەربىيە تارىخىنى، جۈملىدىن «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئەخلاقىي تەربىيەلەرنى كۆزەتكەندىمۇ، ئۇنى ئۆز ۋاقتىدىكى مۇئەييەن زامان ۋە ماكان شارائىتى ئاستىغا قويۇپ، كونكرېت تەھلىل قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇنىڭدىن توغرا، ئىلمىي ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ ھەمدە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ
ئۆزى ماركسىزملىق ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە مېتود بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماركسىزمدىن ئىلگىرىكى ئەخلاقىي تەلىماتلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۈچ ئاساسىي باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن: بۇنىڭ بىرى، قەدىمكى گىرىتسىيە ۋە رىم قۇلدارلىق جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقىي تەلىماتلار؛ ئىككىنچىسى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي تەلىماتلىرى؛ ئۈچىنچىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدىن باشلانغان كاپىتالىزملىق ئەخلاقىي تەلىماتلار. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي تەلىماتى 2 - باسقۇچقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۈچ باسقۇچتىكى ئەخلاقىي تەلىماتلارنىڭ تەرەققىياتى كونكىرىت مەزمۇن ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي ئەخلاق بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن جەمئىيەت مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى دەۋرىي قىلىپ كەلگەن ياخشىلىق - يامانلىق، ئادالەت، ھەققانىيەت دېگەنلەر نېمە؟ بەخت - سائادەت ۋە ياشاشتىكى ئالىي مەقسەت نېمە؟ ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئاساسىي نىزام ۋە مىزانى قايسى؟ قانداق قىلغاندا ئالىيجاناپ يۈكسەك ئەخلاقىي - پەزىلەتنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ؟ دېگەنلەرگە ئوخشاش مەسىلىلەر - ئۆزۈندىن بۇيان ئەخلاقىي تەلىماتلار تارىخىدا تالاش - تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردۇر. بولۇپمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياخشىلىق بىلەن بەخت - سا
ئادەت مەسىلىسى مۇنازىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاب بېرىشىدىن ئوخشاشمىغان، ھەر خىل ئەخلاقىي ئىدىيە، ئېتىقاد ۋە مەزھەپلەر كېلىپ چىقتى. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تاقاش ئاستىدا چۈشەندۈردى. گەرچە، ئۇ تېخى زاماندا فېئودال خان-بەگلەر مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ سۆزلىسىمۇ، لېكىن بۇ ئالىم ئۆز زامانىنىڭ ئاتاقلىق مەرىپەتچى، ئادالەتچىل ھەم خەلقچىل مۇتەپەككۇرلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ مەنپەئىتى، تەلەپى ۋە ئارزۇسىغا ھەممىدە رېئال تۇرمۇشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئېھتىياجىغا نەزەر سالماي ۋە ئۇنى مۇئەييەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرمەي قالمىدى.
تارىخىي ماتېرىيالىزم جەمئىيەتنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئاساسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مۇئەييەن ئەخلاقىي ئىدىيىلەر ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتىغا نىسبەتەن غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەخلاقنىڭ بۇنداق ئەكس تەسىرى ۋە رولىغا قارىتا تامامەن خاتا بولغان ئىككى خىل بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىر خىلى، ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىپ، ئۇنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەيدىغان قاراش؛ يەنە
بىر خىلى، ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ئۇنى يوققا چىقىرىدىغان قاراش. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى ۋاقىتتا گەرچە شۇ دەۋرنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ھالدا بۇ مەسىلىنى بىر قەدەر توغرا ھەل قىلالىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر دىنىي پەيلاسوپ، ئۇ دۇنيا قاراش جەھەتتە ئىسلام ئەھكاملىرى، ئىسلام پەلسەپىسىنى ئۆزىگە يېتەكچى ئىدىيە قىلغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئەسىرىدە دېھنزملىق ماتېرىيالىزم ۋە دېئالېكتىك ئامىللارمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەخلاق قارىشىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
ماركسىزملىق ئېتىكا شۇنداق ھېسابلايدۇكى، ئەخلاقىي ئىدىيىلەر تەرەققىياتنىڭ ئۆزىدىن كېلىپ چىققاندا، بۇنىڭدىكى ماتېرىيالىزم ۋە ئىدىيالىزمىدىن ئىبارەت ئىككى لۇشيەنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئاددىي ۋە مېتافىزىك ھالدا قارىماسلىق لازىم. گەرچە ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەخلاقنىڭ ئىقتىساد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەممە ئەخلاقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماھىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرى بىر قەدەر توغرا بولسىمۇ، لېكىن شەخسىي مەنپەئەت بىلەن جەمئىيەت مەنپەئىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەممە ئەخلاقىي غايە ۋە بەخت - سائادەت قاتارلىق مەسىلىلەردە بەزى ماتېرىيالىستلارنىڭ قاراشلىرىدا بىر تەرەپلىمىلىك يوق دېيىشكە بولمايدۇ. بەزى ئىدىيالىستىك پەيلاسوپلارنىڭ بۇ مەسىلىنى بايان قىلىپ
شى ۋە چۈشەندۈرۈشىمۇ بەزى توغرا، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئامىللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بىر پەيلاسوپنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنى كونكرېت تەھلىل قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، بەزىدە مۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈش مۇمكىن: بەزى پەيلاسوپلار تەبىئەت كۆز قارىشى ۋە بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتىن ماتېرىيالىست، ئىجتىمائىي رولى جەھەتتە ئىلغار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەخلاق كۆزقارىشى بەكمۇ چولتا؛ ئەكسىچە، بەزى پەيلاسوپلار تەبىئەت كۆزقارىشى ۋە بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتىن ئىدىيالىست، ئىجتىمائىي رولى جەھەتتىن مۇرتەجىئەسسىپ ۋە قالاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەخلاق كۆزقارىشى چوڭقۇر ئاقىلانىلىككە ۋە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە. بۇنىڭغا گېرمانىيىنىڭ ئىككى چوك كلاسسىك پەيلاسوپى گېگېل بىلەن فېيېرباخ تىپىك مىسال بولالايدۇ. فېيېرباخنى ئالساق، ئۇ تەبىئەت كۆز قارىشى جەھەتتە ماتېرىيالىست، لېكىن ئەخلاقىي كۆز قارىشى جەھەتتە ئىدىيالىست. چۈنكى، فېيېرباخ رېئال جەمئىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنەلمىگەن. شۇڭا، ئېنگېلس فېيېرباخنىڭ بۇ يېتىشسىزلىكىنى تەنقىد قىلىپ: «ئۇ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئارىسىدىن پەقەت بىر جەھەتنىلا ئەخلاقنىلا كۆرىدۇ، بۇ يەردىمۇ گېگېل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، فېيېرباخنىڭ ئادىمى چۆچۈتكىدەك چولتىلىقى بىزنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ» ① دېگەن ئىدى. بۇنىڭ① «ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» خەنزۇچە 4 - توم، 232 - بەت.
ئەكسىچە كېگېلنىڭ ئەخلاق قارىشى شەكىل جەھەتتىن ئىدىيالىزمغا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇنى رېئال، كونكرېت، چۈنكى كېگېل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىئالېكتىك ئاساستا تەھلىل قىلغان. بۇ يەردە ئېنگېلسنىڭ فېيېرباخ ۋە كېگېلنىڭ ئەخلاقىي ئىدىيىسىگە بەرگەن باھاسى بىزگە ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى، جۈملىدىن «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەر توغرا يەكۈن ھاسىل قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم مېتودولوگىيىلىك پرىنسىپنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ئاساسىي قائىدە ۋە نىزاملىرى بايان قىلىنغان. بۇ قائىدە - نىزاملار ئەخلاقىي ھادىسە ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەمدە ئادەملەرنىڭ ئەخلاقىي پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئومۇمىي چۈشەنچىلەر بولۇپ، بۇ چۈشەنچىلەر ياخشىلىق، يامانلىق، بۇرچ، ۋىجدان، شان - شەرەپ، بەخت - سائادەت قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنىڭدىن 900 يىل بۇرۇن ئىجتىمائىي
ئەخلاقنىڭ يۇقىرىدىكى ئاساسىي مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان. بولۇپمۇ، بۇنىڭدا قەدىمكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي قاراشلار بىلەن ئۆز زامانىدىكى ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەر ھەمدە ئادەملەرنىڭ شەخسىي ئەخلاقىي تەربىيىسىگە دائىر مەسىلىلەر بىر قەدەر مۇپەسسەل، كونكرېت ۋە جانلىق يورۇتۇلغان. بۇ ھال مەملىكىتىمىزنىڭ ئېتنىك كىملىك ئىدىيىلەر تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي ئىدىيىسى ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال تەرەققىيات تۈزۈمىنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىگە بېقىنغان ۋە شۇ سەۋەبلىك ئېتنىكلىق نەزەرىيە جەھەتتىن قاتتىق تەلەپ بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئەخلاقىي سىستېمىنى تەشكىل قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇرەككەپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمدە كۆپ قىممەتلىك باي ئەخلاقىي مەزمۇنىغا ھەرگىز شەك كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. تۆۋەندە بۇ ئەخلاقىي مەزمۇن ۋە چۈشەنچىلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
- بۇرچ مەسىلىسى: ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىي تۇرمۇشىدا، كىشىلەر مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە جەمئىيەتكە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك ۋەزىپە، خىزمەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ ۋەزىپە ياكى مەسئۇلىيەت، شەخسنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە، ئائىلە ئەزالىرىغا بولغان جاۋاب
كارلىقىدا ئىپادىلىنىشىمۇ ياكى شەخسنىڭ ئۆز مىللىتى، دۆلىتى، سىنىپى، پارتىيىسى ۋە تەشكىلىگە بولغان جاۋابكارلىقىدا ئىپادىلىنىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئۆز سىنىپ شۇ جەمئىيەت ياكى سىنىپنىڭ مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرى ئالدىغا مۇئەييەن ئەخلاقىي بۇرچنى قويىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇرى ۋە ئىجتىمائىي ئەربابى سۈپىتىدە، ئۆز زامانىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان بىر قاتار ئەخلاقىي بۇرچنى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ئالدى بىلەن كىشىلەرنى ئەلگە ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، بەخت تەلەپ قىلىش ۋە ياخشى نام قالدۇرۇشقا ئۈندەيدۇ ھەمدە بۇنداق قىلىشنى ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىدۇ. ئالىم ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى، ئۆزىگە قويغان تەلەپ - مەقسىتى ۋە ئارزۇسى سۈپىتىدە ئۆز - ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
227 ئەگەر ياخشى بولماق تىلىسەڭ ئۆزۈڭ، يۈرى، ياخشىلىق قىل، قوي ئۆزگە سۆزۈڭ.
1333 ھاياتنى زايه قىلما، قىل ياخشىلىق، كېچەر كۈن ئىچىدىن ئال ئىبرەتنى چىق.
4466 ئۆزۈڭ ئۆلسەڭ ئاخىر بۇ نامىڭ قالۇر، ئېتىڭ ياخشى بولسا، ھايات تەڭ بېرىر.
بۇ مىسرالاردا مۇئەللىپ ئەخلاقىي بۇرچىنى ئادەم ھەممە ئۈچۈن ياشاش، كىم ئۈچۈن ياشاش ۋە قانداق ياشاشتىن ئىبارەت غايىۋى نىشان ۋە توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چۈشەندۈرگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «ياخشىلىق» نىڭ ھەممە ئىكەنلىكىنى سۈپەتلەپ، ئەسەردىكى پېرسوناژلاردىن ئادالەت ۋە توغرىلىقنىڭ سىمۋولى كۈنتۇغدى ئېلىكنىڭ بەخت - سائادەت سىمۋولى ئايتولدىغا قىلغان ۋەسىيىتى شەكىلدە، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالىيجاناب كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
856 ئېلىك ئېيتتى: ياخشىلىق سۈپىتى شۇدۇر، كى خەلققە ئۆنۈڭدىن پايدىلار يېتەر.
857 قىلۇر ياخشىلىق ئۇ پۈتۈن ئېلىگە، يەنە مىننەت تۇرماس كىشى يۈزىگە.
858 تىلەر نەپ ئۇ ئەلگە ئۆز نەپىن دېمەس، يەتكۈزگەن نەپىچۈن بەدەل كۆزلىمەس.
روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بۇ مىسرالاردا ئالىم
ياخشىلىقنىڭ سۈپىتى، يەنى مەقسەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت يۈكسەك پەزىلەت بىلەن مەھكەم باغلىغان ھەمدە بۇنداق قىلىش پەقەتلا كىشىلەرنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ئۆز ئېلى ئالدىدا ئۆتەشكىە تېگىشلىك ئىجتىمائىي بۇرچى بولۇپ، بۇ بۇرچنى ئۆتەشكە نىسبەتەن ھەرگىز تەمەننا قويۇش، مىننەت قىلىش ۋە ھەق تەلەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
پەرزەنتلەرنى ئەدەب - ئەخلاقلىق، بىلىملىك ۋە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەشمۇ ئەخلاقىي بۇرچ كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ۋەزىپىنى ھەر بىر ئاتا - ئانا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ياش ئەۋلادلار ئالدىدا ئۆتەشكىە تېگىشلىك ئورتاق بۇرچى دەپ قارايدۇ؛ بالىنىڭ ئەركە - مىجەز، يامان خۇي - پېئىللىق بولۇپ ئۆسۈشىنى ئاتا - ئانىغا باغلىق دەپ چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئەخلاقىي جاۋابكارلىقىنى ئاتا - ئانىغا، بولۇپمۇ ئاتىغا يۈكلەيدۇ:
1218 ئاتا ئەجرى سېنىڭ ئۈچۈن كۆپ، بولۇر بۇ تۇغۇلغان خۇي - پېئىلى خۇپ.
1223 كىمنىڭكى بولۇر ئەركە ئوغلى - قىزى، چېكىپ ئاھ ۋە ھەسرەتتە يىغلار ئۆزى.
1224 كىچىك چاغدا ئوغلىنى قويسا ياۋا①، تۇغۇلدا گۇناھ يوق، ئاتىغا جاپا.
① ياۋا — بۇ يەردە بېشىغا قويۇۋېتىلگەن مەنىسىدە.
1225 ئوغۇل - قىز خۇي - پەيلى بولسا يامان، يامان قىلغان ئاتا بولارنى ھامان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە، بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ خۇشخۇي، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇپ ئۆسۈشىگە دىققەت قىلىش؛ پۇل - بايلىققا ھەۋەس قىلماسلىق؛ كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز قىرىنى سالماسلىق؛ دۇرۇس يولدا مېڭىش ۋە توغرا قىلىقنى ئۆزلەشتۈرۈش؛ كىشىلەرگە قارىتا سىلىق - مۇلايىم، ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇش؛ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلىش؛ ياخشى ئادەملەر بىلەن دوست بولۇش، يامان ئادەم ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش؛ راست سۆزلەش، يالغانچىلىق، قوپاللىق، جاھىللىق ۋە قاششاقلىقتىن ھەزەر ئەيلەش؛ ھاراق - شاراب ۋە ھاۋايى - ھەۋەسلەرگە بېرىلمەسلىك؛ ئېغىر - بېسىق، سالماق بولۇش، ئويلاپ سۆزلەش، يېنىكلىك قىلماسلىق، بىھۇدە سۆزلىمەسلىك قاتارلىق بالا تەربىيىسىنىڭ كونكرېت ئۇسۇل ۋە ئەخلاق قائىدىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە بۇنداق ئەخلاقىي تەربىيە مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا - ئانىنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى دەستۇرى، شۇنداقلا ئاتا - بالىنىڭ ئۆزئارا ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەشگە تېگىشلىك ئەخلاقىي بۇرچى بولۇپ، بۇ بولۇپمۇ ئايتولدىنىڭ ئۆز ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھىتى شەكىلدە كونكرېت گەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن:
1285 خۇيۇڭنى تۈزەتكىن، يېقىلما تۈزۈك، كۆڭۈل، تىل كىچىك تۇت، چوڭايتما سۆزۈك.
1284 تۈزۈك تۇتقا تۇرما بۇ دۇنيا ئۈچۈن، كىشى مېلىنى ئالما زورلاپ كۈچۈن.
1297 يامانغا يېقىنلاشما قىلغاي زىيان، يامانلىق چاقار ئۇ بولۇپ بىر يىلان.
1315 كىشىگە ھەم تۈزگە قىلما سەن زىيان، ھەۋەسنى قويۇپ، قىل ياخشىلىق ھامان.
1326 تىلىڭدىن چىقارما ھېچ يالغان سۆزۈك، بۇ يالغان بىلەن خار بولۇرسەن تۈزۈك.
1505 لاغايلاپ بىھۇدە يۈرمىگىن تۈزۈك، سىلىق، توغرا بولسۇن قىلىقىڭ، سۆزۈك.
1651 چېچەكتىن بىلىنۇر دەرەخ مېۋىسى، بۇ ھەممە ئۈچۈن بىر مىسال بولغۇسى.
ئېتىكا نەزەرىيىسىدە ئەخلاقىي بۇرچ شەخسنىڭ پوتېنسىئال جەمئىيەتكە، جۈملىدىن باشقا ئادەملەرگە قارىتا ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىقىنىمۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ شەخسكە قويغان ئىجتىمائىي
ني تەلەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ شەخسنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەتكە نىسبەتەن ئۆتەشكىە تېگىشلىك بۇرچى ئۇنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەشكىە تېگىشلىك بۇرچى بىلەن بىر، ياكى ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇ كۆز قاراشتىن چىقىپ، ئاۋام پۇقرالارغا قارىتا ئۆز ئېلىگە ياخشىلىق قىلىش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئېلىنىڭ ھۆكۈمدارىغا قارىتا ئۆز خىزمىتىگە تولۇق جاۋابكار بولۇش، خىزمەتنى ئۆز ۋاقتىدا بىجاندىل ئىشلەش، ئېلىنى ياماندىن ساقلاش، پېقىر - مىسكىنلەرگە ئېھسان قىلىش؛ خوشامەتچى، ئۇياتسىز كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلەش ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، دۆلەت مالىيىسىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ھەمدە توغرا قانۇن ۋە ئادىل سىياسەت قوللىنىپ، ئېلىنى ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمدىن خالى قىلىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئالىمنىڭ قارىشىچە، بۇ تەلەپ ھۆكۈمدارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەم ئۇنىڭ كەسپىي (خىزمەتتىكى) ئەخلاقىي بۇرچى، ھەم جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئۆتەشكىە تېگىشلىك ئەخلاقىي بۇرچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ:
5503 بۈگۈنكى ئىشنى ئەتە ئۈچۈن قويمىغىل، ئەتە ئىش بولسا، ئۇ قالۇر يەنە، بىل.
5528 كۆيۈمچاننى تۇتقىل ئۆزۈڭگە يېقىن، ئۇياتسىزنى ئۆزگە يېقىن تۇتمىغىن.
5574 سېنىڭدە يوقراندەك ھەققى ئېزۇر كۈچ، بۇ ھەقنى ئۆتە سەن ھېچ ئىشلەتمە كۈچ.
5575 بىرى، ئۆز ئىلكىدە كۈمۈشنى پاك تۇت، ئەي ئىلمى كۆپ ئەرەسەن، ئايارنى① كۆزەت.
5576 بىرى، توغرا قانۇننى خەلقكە بەر، بىرىن بىرى ئەزىمىسۇن كۆتەر.
5577 ئۈچىنچى، ئىمىن قىل پۈتۈن يولنى، يوقاتقىن قاراقچى ئوغرىلارنى.
دەرۋەقە، بۇ مىسرالارنىڭ بىر قىسمى ئۇتوپىيىلىك تۇس ئالغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەنى فېئوداللىق زاماندا ھۆكۈمدار خان - بەگلەرنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي بۇرچى دەپ بىلىپ، كەمبەغەل پۇقرالارنى باي، ئاچنى توق قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئونىڭ ئۈستىگە بۇرچنىڭ ئۆزى ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغىنى ھالدا، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىراق، يۇقىرىدىكى تەلەپلەرنىڭ ئورۇنلىنىشى - ئورۇنلانماسلىقىدىن
① ئايار - (ئەرەبچە) ئالتۇن - كۈمۈش پۇلنىڭ ساپلىقى.
قەتئىينەزەر، ئەنە شۇنداق تارىخىي شارائىت ئاستىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھۆكۈمدار خان - بەگلەرنىڭ ئالدىغا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ قاراخانىلار دەۋرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ جەريانىغا، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەلەپلىرىگە، ئاۋام خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
- ۋىجدان مەسىلىسى: ۋىجدان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە بولغان بۇرچىنى ئادا قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئەخلاقىي ئاڭ بولۇپ، ئۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى كۆچمەس ئەخلاقىي جاۋابكارلىقنى ھەمدە ئادەملەرنىڭ مۇئەييەن ئەخلاقىي مىزان بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى باھالاش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى ۋە باسقان قەدىمىگە رازى بولۇش - بولماسلىقى، توغرا ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىيالىشى - تاللىيالماسلىقى، ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە، پەرزەنت ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا نىسبەتەن ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتنى ئاڭقىرىش - ئاڭقىرالماسلىقى، ئەر - ئايال مۇناسىۋىتىدە ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىگە نىسبەتەن ھايا - نومۇسنى بىلىش - بىلمەسلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر ۋىجدان چۈشەنچىسىگە كىرىدۇ. ۋىجدان بۇرچ بىلەن ناھايىتى زىچ باغلانغان ھالدا دائىم ئۇنىڭ يېنىدا بىللە تۇرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بۇ
مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق، جانلىق ۋە ئوبرازلىق بايان قىلغان، بۇ بايانلار ئۆز زامانىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە رېئال قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئالىمنىڭ قارىشىچە، توغرا يول تۇتۇش، ھالال ياشاش، ئاۋام خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، پىداكارلىق روھ — تاشقى ئەخلاقىي بۇرچنىڭ ئادەملەر قەلبىدە ئىچكى تەلەپ ۋە پەزىلەتكە ئايلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى ۋىجداننىڭ شەكىللىنىشى ۋە گەۋدىلىنىشىدۇر. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن راستچىل، توغرا بولۇش، يالغانچىلىقتىن ساقلىنىش، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك تۇتۇش، قەلبىنى خەلققە تاپشۇرۇش، يۈرىكىنى ئاشكارىلىيالايدىغان بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش، باشقىلارغا ئېغىرلىق تارتماسلىق، ئۆز غېمىنى يېمەي، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش — ئادەملەر ئۆز ئىش — ھەرىكىتىنى باھالاشنىڭ ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى ئەخلاقىي بۇرچنىڭ ئەڭ ھەددىدىن چىققان — چىقمىغانلىقىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم بىر مىزانى، شۇنداقلا، شۇ ئادەمنىڭ توغرا يول تۇتقان ۋە ھالال ياشىغانلىقنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5077 كىشىنىڭ ياماندۇر ئېيتسا يالغان، قىلىپ ۋەدە يانغان ياماندىن يامان.
863 تېشىڭدەك ئىچىڭمۇ، ئىچىڭدەك تېشىڭ، بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى.
6098 تۈزۈك نەپىنى كۈتمە، خەلق نەپىنى كۈت، يۈكۈڭنى يۈتتۈرمە ئەلگە، تۈزۈك يۈت.
كىشىلەرنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماسلىق، تۆھمەت چاپلىماسلىق، پىتنە - پاساتتىن يىراق تۇرۇش، ئىچى تارلىق، ھەسەتخورلۇقتىن خالى بولۇش، خۇشامەتچى، سۆزچى كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلەش — يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋىجدان مەسىلىسىدە كىشىلەر ئالدىغا قويغان يەنە بىر مۇھىم تەلىپى:
4410 بولۇشنى تىلىسەڭ تۈزۈك قەدىرلىك، پاساتتىن يىراق قاچ، ئې خۇلقى سىلىق.
4414 پاساتنىڭ يېنىغا يېقىن بارمىغىل، پاسات نەدە بولسا، خارلىق شۇندا، بىل.
4253 ھەسەت بىر كېسەلدۇر، داۋاسى ئۇزاق، ئۆزىنى - ئۆزى يەپ، سېزەر ئۇ ئازاب.
5308 يېقىن تۇتما ئوخشاش گەپلىك سۆزچىنى، پىتنخور بولسا قاچ، كەلتۈرمە يېقىن.
بۇ مىسرالاردا ئالىم كىشىلەرنى ئۇياتلىق، توغرا سەمىمىي، تۈز ۋە ئاق كۆڭۈل بولۇشقا، قەلبىنى پاك
تۇتۇپ، ئۆزىنى دائم ۋىجدان تارازىسىغا سېلىپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
شەخسىيەتچىلىكنى يېڭىش، نەپسىيەتچىلىك قىلماسلىق، پۇل، مال - دۇنيا ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئارزۇ - ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك - ئەخلاقىي ۋىجدان چۈشەنچىسىدە يەنە بىر مۇھىم مەسىلە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە، ئادەملەردىن ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەي، ئەل نەپسىنى كۆزلەشكە، ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك كوللېكتىپچىلىق روھنى تىكلەشكە، نەپسى - مەنپەئەت، ئەمەل، پۇل ۋە بايلىق ئالدىدا ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ، دائم سەگەك تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
5353 دېمە ئۆز نەپسىڭ سەن، ئەل نەپسى دە، ئۆزۈڭ نەپسى ئەلنىڭ نەپسى ئىچىدە.
3933 كۆيۈمچان ئەمەس ئول ئۆزىنى دېگەن، كۆيۈمچان شۇكى، ئەل نەپسىن ئىزلىگەن.
3637 بۇ نەپس بىر يىلان، بەك قۇۋۋەتلىك يېمى پۈتۈن يەر-جاھان تۇپرىقى - تۇزىقى.
6143 مەس قىلار بۇ دۆلەت ئەگەر كىشىنى، ئويغانماس، ئۆلۈم تۇتقۇچە ئۆزى.
- قىلىق ۋە پەزىلەت مەسىلىسى: بۇ، ئەخلاقىي ھادىسىلەردىكى ئىككى چوڭ تەرەپ بولۇپ، ئۆز ئارا بىر - بىرىگە باغلىنىپ، بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىپ ۋە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەخلاقىي قائىدە، پىرىنسىپ ۋە غايە بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا، ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ ئوبيېكتىپ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدا قىلىق — پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى، مۆتەبەر پەزىلەت بولسا، قىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە جۇغلىنىش نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەخلاقىي ھادىسىلەردىكى بۇ ئىككى چوڭ مەسىلە ئۈستىدە مۇپەسسەل توختىلىپ، بۇ ھەقتە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى ھەم يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ قەلبى ھەم ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئەقىلگە مۇۋاپىق پىكىر، تەلەپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەخلاقىي قىلىق — بۇ، بەلگىلىك ئەخلاقىي ئاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىپادىلىنىدىغان، باشقا ئادەملەرگە ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق ياكى زىيانلىق بولغان ھەرىكەتتىن ئىبارەت. بۇنداق ھەرىكەت ئەخلاقىي ھەم ئەخلاقسىزلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەخلاقىي قىلىقنىڭ ئاساسىي بەلگىسى شۇكى، ئۇ بىر شەخسنىڭ باشقا ئادەم ۋە جەمئىيەت مەنپەئىتىنى ئاڭلىق تونۇغان ۋە ئەركىن تاللىغانلىقنىڭ ئىپادىسى شەكىلدە يۈز بېرىدۇ؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپ باشتىن - ئاخىر
توغرا، دۇرۇس ئەخلاقىي قىلىق ۋە ياخشى ئادەتلىرىنى ماختىدى ھەمدە ئۇنى تەرغىب قىلدى. ناتوغرا، ناچار ئەخلاقىي قىلىق ۋە يامان ئادەتلىرىنى ئايمىماي سوكتى، ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ھەمدە شەخسكە بولغان زىيانلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئەخلاقىي پەزىلەت — ئۇ، شەخسنىڭ ئىش - ھەرىكىتىدە ئەخلاقىي قىلىقنىڭ دائىملىق ئادەتكە ئايلىنىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئەخلاقىي تالانتتىن ئىبارەت. ئادەتتىكى ئادەت ۋە تالانتنىڭ ھەممىسى ئەخلاقىي پەزىلەت بولۇۋەرمەيدۇ. ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئاساسىي بەلگىسى شۇكى، ئۇ ئەخلاقىي ئاڭ بىلەن ئەخلاقىي قىلىقنىڭ بىرلىكى شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ، ئەخلاقىي قىلىق — ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئوبيېكتىپ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلسا، ئەخلاقىي پەزىلەت — ئەخلاقىي قىلىقنىڭ بىرلەشكەن ئىپادىسى، شەخسنىڭ ئاكتىپ ئىرادىسىنىڭ قىسمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا قىلىق بىلەن پەزىلەتنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشى ئوچۇق گەۋدىلىنىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدا ئەخلاقىي ھادىسىنىڭ بۇ ئىككى چوك تەرىپى شۇنداق چىڭ كىرىشىپ كەتكەنكى، مۇناسىۋەتلىك نەزمىنىڭ ھەر بىر مىسراسى كىشىلەر ئالدىدا ھەم ئەخلاقىي قىلىق، ھەم ئەخلاقىي پەزىلەت سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، كاجلىق، جاھىللىققا ئوخشاش ناچار قىلىقلارنى
قاتتىق تەڭقىدلەپ، يالغانچىلىقنى ۋاپاسىزلىق بىلەن باغلەيدۇ؛ كىشىلەرنى چىن، راستچىل بولۇش، ئۆياتىنى بىلىشتەك توغرا قىلىق ۋە پەزىلەتكە باشلايدۇ:
337 بۇ بىر نەچچە نەرسە كىشىگە ياۋۇز①، بۇنى قىلسا كىشى بۇزار ئۆزىنى - ئۆز.
338 بىرى، يالغان ئېيتماق ئۆزۈر سۆزىدە، ئىككىنچى، تۇرماسلىق قىلغان ۋەدىدە.
339 ئۈچىنچى، ھاراققا بولۇش مۇپتىلا، بۇ ئۈچ ئىش ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا.
340 يەنە بىرسى كاجلىق، جاھىللىق قىلىش، جاھىللىق جاھاندا ياشاتمايدۇ خوش.
2039 يالغانچى كىشىلەر ۋاپاسىز بولۇر، ۋاپاسىزلار خەلققە ئوساللىق قىلۇر.
4297 ياشاي ئابرۇي بىلەن دېسەڭ سەن ھامان، يالغاننى چىقارما تىلىڭدىن ھەر ئان.
مەغرۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق، كىبىر قىلىش، قوپال سۆزلۈك، سورۇن يۈزلۈك — ئەخلاقىي جەھەتتىن يەنە بىر ناچار قىلىق ۋە پەزىلەت بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ
① ياۋۇز — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) يامان، ۋەھشى.
تەكەببۇر، مەغرۇر، ئۆزەمچىل ئادەملەرنىڭ پەزىلىتىنى سۈرەتلەيدۇ؛ ئادەملەرنى كەمتەر، ئېھتىياتچان، كىچىك پېئىل ۋە تۈز كۆڭۈل بولۇشقا ئۈندەيدۇ:
1330 بەختكە ئېرىشىشنى كۆپەر قىلمىغىن، ھامان ياخشىلىق قىل، يامان بولمىغىن.
4553 غۇرۇرلانما ئارتۇق، لاۋزا بولۇرسەن، بېخىل بولما ئارتۇق، تىلگە قالۇرسەن.
2077 سۈرۈن يۈز، يىرىك سۆز، تەكەببۇر كىشى، كىشىنى يەرگە تەگۈرەر، يۈرۈشمەس ئىشى.
2072 كۈلەر يۈز، چۈچۈك سۆز، خۇلق تۈز كېرەك، قىلىقى بۇلارغا ئۇيغۇن، تۈز كېرەك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ پاراخورلۇقنى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى، بارلىق ئەخلاقسىزلىق ھەم پېشكەشلىكنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ قاتتىق سۆكىدۇ؛ بىر مەملىكەتتە خەلقنىڭ پاراخورلۇق يولىغا كىرىپ قېلىشىنى ئۆزىنىڭ گادايلىققا قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن؛ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىنى دۆلەتنىڭ زاۋاللىققا قاراپ مېڭىشى بىلەن مەھكەم باغلايدۇ. بۇ شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پاراخورلۇق «مىڭ گۇناھ»قا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئادەم بەخت - سائادەتتىن
سەھرۇم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ھاراقخورلۇق ئادەملەرنى بىكار تەلەپ، ھۇرۇن ۋە قاششاق قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق ھەم پاسىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى بۇ يولغا قەدەم باسماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. ئالىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشەببۇسلىرى ھازىرمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ياش ئەۋلادلارغا قارىتا ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا بىز ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2097 ھاراق ئىچسە خەلق، يەلكە كەتكەي مېلى، خان ئولسا ھاراقكەش، تۇرامدۇ ئېلى.
2102 مەي ئىچسە بولمىغۇر نە ئىشلار بولۇر، مەس ئولسا نەچچە ياخشى ئىشلار قالۇر.
1338 ھاراق مىڭ گۇناھقا پاتۇرغاي سېنى، قاچار بەخت زىنادىن، يۈزۈڭ تۆكۈلەر.
بۇ مىسرالاردىن مۇنداق بىر ئېتنىكلىق قائىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ھاراق ئىچىپ مەس بولۇش ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغۇر قىلمىشلار قارىماققا شەخسنىڭ «شەخسىي ئىشى»، ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدىكى «ئەركىنلىكى» بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەخلاقىي قىلىق ۋە پەزىلەت بىر
خىل ئاڭلىق تاللىنىلغان ھەرىكەت ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇنى قانداق تاللاش، يەنى شەخسنىڭ باشقا ئادەم ۋە جەمئىيەت مەنپەئەتىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى — ئەخلاقىي قىلىق ۋە پەزىلەتكە باھا بېرىش ۋە ئۇنى پەرقلىنىدۇرۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. شەخسنىڭ «ئىرادە ئەركىنلىكى» ھېچقاچان «خالىغىنىنى قىلىش» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە بىر قىلىقنى تاللىغاندا، ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا ئادەمنىڭ ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى تونۇشتەك ئاڭلىقلىققا تايىنىش دېگەنلىكتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزگە ئەخلاقسىز قىلىق ۋە پەزىلەت بىر شەخسنىڭ «ئۆزىگە خاس» ۋە ئۆزى بىلەن تۈگەيدىغان ئىشى بولماستىن، بەلكى باشقا ئادەملەرنىڭ ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، چوڭ بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىھوده غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، قىزىققانلىق ۋە ئالدىراسانلىقمۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي قىلىق ۋە پەزىلەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان ئەخلاقىي ھادىسىلەر بولۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» تە بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ سەھىپە ئاجرىتىلغان. ئالدىراڭغۇلۇق، ھولۇقۇش ھەم قىزىققانلىق كىشىلەرنى يېڭىلىشكە، خىجىللىق ۋە پۇشايمانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئادەملەرنى تەمكىن، ئېغىر — بېسىق، ئەستايىدىل ۋە سەۋر — تاقەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ؛
322 ئېي ئاقىل، غەزەپنى قىل ئۆزدىن يىراق، ئاچچىقتىن يىراق بول، ئال ياخشى ئاتاق.
324 غەزەپلىك ئىشنىڭ ئۇ پۇشايمان بېرىر، قىزىققانلىق تولساڭ ئىشىڭ بۇزۇلۇر.
334 قىزىققان بولسا ئىنسان بىلىمسىز بولۇر، غەزەپلىنىپ ئادەم ئەقىلدىن قالۇر.
632 شېشىپ قىلىنغان ئىشلار ھامان خام قالۇر، چالا پىشقان ئاشتىن كېسەللىك كېلۇر.
1310 ھولۇقما ھەر ئىشتا سەۋرلىك زۆرۈر، سەۋرلىك كىشىلەر تىلەككە يېتۇر.
- ئەخلاقىي باھا مەسىلىسى: بۇ ئەمەلىيەتتە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى ئىگىلەش بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە بۇ ھەقتە كۆپ توختالغان.
كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق بىر ئادەمنىڭ ئىش - ھەرىكىتى ۋە روھىي دۇنياسىنىڭ مۇئەييەن ئەخلاقىي نىزام ۋە مىزانغا ئۇيغۇن كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك. سىستېمىلىق جەھەتتە ھەر قايسى سىنىپ ۋە تەبىقە رنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق كۆز قارىشى ھەممىلا ئۆلارنى ئاي
روش ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئوخشىماسلىق كىشىلەرنىڭ سىنىپىي مەيدان ۋە مەنپەئىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن بۇ ھېچقاچان ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئايرىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمى يوق دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ يەردە كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، بىر ئىش - ھەرىكەت ياكى مەلۇم ئىجتىمائىي تەشەببۇسنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقى ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىش - كەلمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، سىياسىي جەھەتتىن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش - ھەرىكەت ياخشىلىق بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا يامانلىق بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەشەببۇس قىلغان ياخشىلىق ھەم ئۇ قارشى تۇرغان يامانلىق ئۆز دەۋرىدىلا ئاكتىپ، ئىجابىي مەزمۇن ۋە تەسىرگە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھازىرمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
| 3271 | خەلققە بېرىش نەپى — ياخشىلىق ئېروۇر، | | | بۇ نەپ بىلەن خەلقى تاپقاي ھوزۇر. |
| 3935 | كىشى ياخشىسى دەر، كىمدۇر ئۇ ياخشى، | | | كىشى دەردىگە داۋا بولسا، شۇ ياخشى. |
| 345 | يۈرى، ياخشىلىق قىل ئەي ياخشى كىشى، | | | تۈگۈشلۈك ھامان ياخشىنىڭ ئىشى. |
بۇ يەردە ئالىم ياخشىلىقنى بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ خەلققە پايدىلىق بولۇشى ھەمدە ئونىڭدىن خەلق ھەقىقەتەنمۇ مەنپەئەت ئېلىپ خۇشال بولۇشى بىلەن زىچ باغلايدۇ. خەلققە كۆيۈنۈش، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولسا، ياخشى ئادەمنىڭ ئۆپ سۈپەتلىك بەلگىسى ۋە ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى دەپ قارايدۇ.
ئالىم يامانلىقنىڭ نېمىدىكى ئۈستىدە توختالغاندا، ئونى يالغانچىلىق، كاجلىق ھەم بېخىللىق بىلەن باغلايدۇ ۋە بۇ قىلىقلار خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگىلا ئەمەس، بەلكى شۇ قىلىقتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ:
1676 بۇ ئۈچ نەرسە كىمدە بولسا بەخت كېتەر، بۇ ئۈچ نەرسە بىلەن ئېتىمۇ يۈتەر.
1668 بىرى، كاجلىق ھەمدە قىلىقتا ياۋۇز، يەنە بىرى، يالغان قىلار بولسا سۆز.
1669 بىرىدۇر بېخىللىق كىشىنى خار ئېتەر، بۇ ئۈچ ئىش بىلىمسىز كىشىدىن كېلەر.
926 كۆرەرمەن كىشىنىڭ قىلىقى گەر يامان، ھوزۇرى ئاز، كۆپى پۇشايمان.
349 تىلەككە يېتەر ياخشى كۆڭۈل، يېڭى، كۆڭۈلگە مىڭ ئارتار يامانلىق مۇڭى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ يەردە يامانلىقنىڭ، يەنى دۇرۇس يولدا ماڭمىغان، ئەخلاقىي نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغان ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى بەختسىزلىك، قايغۇ - ھەسرەت ۋە پۇشايمان بىلەن باغلايدۇ.
ماركسىزملىق ئېستېتىكا ئىلمى كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشى - ھەرىكىتىگە ئەخلاقىي جەھەتتىن تولۇق جاۋابكار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەخلاقىي باھادىن ئاساسىي مەقسەت — ئادەملەرنىڭ ئەخلاقىي جاۋابكارلىق ھېسسىنى يېتىشتۈرۈش، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە ياخشى ئىش، ياخشى قىلىق ئۈچۈن ئەخلاقىي جەھەتتىن رازى بولىدىغان، يامان ئىش، يامان قىلىقنى ئۆزى تەنقىدلەيدىغان بىر خىل ئىچكى روھىي كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى تاللاش، باھالاش ۋە ئۆلچەشتىكى قىبلىنامىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي باھا مەسىلىسىدە، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق توغرىسىدىكى بايانى — ياخشىلىقنىڭ ۋە ياخشى ئادەمنىڭ سۈپىتى ۋە خۇسۇسىيىتى، ياخشىلىقنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى، ياخشى ئەخلاق، ياخشى قىلىقنى تاللاش ۋە ياخشى ئادەم بىلەن دوست بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەم پايدىسى، شۇنىڭدەك يامانلىقنىڭ ۋە يامان ئادەمنىڭ سۈپىتى ھەم خۇسۇسىيىتى، يامانلىقنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى، يامانلىقنىڭ زىيىنى، يامان
ئادەم - يامان قىلىقتىن يىراق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە پايدىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك باي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەممىدە يەنە بىر قاتار ئەخلاقىي چۈشەنچە ۋە تەشەببۇسلارنىڭ بۇنىڭدىن 900 يىل بۇرۇن 11 - ئەسىردىكى فېئوداللىق دەۋردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئالىمنىڭ ئەينى زاماندىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە بېرىپ يەتكەن ئەخلاقىي مەنزىلىنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ۋە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
3
ئەخلاقىي تەربىيە مەسىلىسى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىغا باشتىن ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم بىر ئىدىيە. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، «قۇتادغۇبىلىك»نى ھەتتا بىر چوك ئەخلاقىي تەربىيە ئەسىرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئەخلاقىي تەربىيە دېگىنىمىز - كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن ئەخلاقىي بۇرچىنى ئورۇنلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەقسەتلىك، ئۆزۈن مۇددەت ۋە تەكرار ھالدا تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەر قەلبىدە مۇئەييەن ئەخلاقىي ئىدىيە ۋە پەزىلەتنى تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئەخلاقىي ئىدىيەلەر تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەتتە ئادەملەرنىڭ ئەخلاقىي قىلىققا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەمدە ئادەملەر ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە باھا بېرىشتىكى ئەخلاقىي ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ.
ئالىم داستاندىكى پېرسوناژلاردىن ئايتولدى ۋە ئۆگدۈلمىشنىڭ نەسىھىتى شەكىلدە ئاۋام خەلقمۇ ۋە ھۆكۈمدار بەگلەرمۇ ئەخلاقىي - پەزىلەت جەھەتتىن ئۆزىنى تەربىيىلىشى لازىملىقى، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش - دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە بەخت - سائادەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ:
284 پەزىلەت كېرەك مىڭ، تۇتۇشقا جاھان، قولان تۇتقىلى، كۆر، كېرەك ئارسلان.
281 جاھاننى تۇتاي دەپ سۇنۇشقا ئىلىك، كېرەك كۆپ پەزىلەت بىلەن كۆپ بىلىك.
بۇ يەردە مۇئەللىپ بىر تەرەپتىن، ھالال ياشاش ۋە دۆلەتنى توغرا باشقۇرۇشنى گۈزەل ئەخلاقىي - پەزىلەت بىلەن باغلايدۇ، پەزىلەتلىك ئادەمنى قولان تۇتالايدىغان باتۇر ئارسلانغا ئوخشىتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇشنى ئىلىم - پەن ئۆگىنىش، بىلىملىك بولۇش بىلەن باغلايدۇ. بۇنى يەنە بىر قانچە بېيىتلاردىكى بىلىم كىشىگە ئەقىل - پاراسەت بېرىپ، ئۇنى يامان قىلىق ۋە يامان ئادەتلەردىن چەكلەپ تۇرىدىغانلىقى؛ بىلىم ئادەملەرنى يۇمشاق، مۇلايىم، تېمكىن، ئېغىر - بېسىق، چىداملىق ۋە غەيرەتلىك بولۇشتەك ياخشى قىلىق ۋە ياخشى پەزىلەتكە ئىگە
قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈنۈشلۈك بولىدۇ.
ئالىم يەنە داستاندا ھاجىپنىڭ ئاپتورىغا نەسىھىتى شەكىلدە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمدار - بەگلەرنى ئەمەلدار بولۇپ ھوقۇق تۇتۇش بىلەنلا، ئەقىل - ھۇشۇنى يوقىتىپ كۆرەڭلەپ كەتمەي، تاكى قېرىپ ئۆلۈمىدىن ئۆتكىچە كىچىك پېئىل بولۇش، ئەلگە ياخشىلىق تىلەش ۋە خەلققە ياخشىلىق قىلىشتەك گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇش لازىملىقىنى، ئانداق قىلمىغاندا دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئورنىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ:
551 ئەي دۆلەت ئىگىسى بۇ دۆلەت بىلە - تۇراي مەن دېسەڭ سەن، ياخشىلىق تىلە.
552 ساڭا تەگسە بەگلىك، تولۇغلۇق نۇقۇل، ئاقارغىچە باشىڭ كىچىك پېئىل بول.
دەرۋەقە ئالىمنىڭ بۇ تەلەپلىرى ئەينى زاماندا بىر ئۇتوپىيىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە رېئال تارىخنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادەملەردىكى گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى تەربىيىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. ئالىمنىڭ نەزىرىدە، بىر ئادەمنىڭ يۈكسەك پەزىلەتكە
ئىشقا بولۇشى بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەقلىي بىلىش قابىلىيىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە باغلىق بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق پەزىلەت دۆلەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە پۇقرالار ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرنى كۆپلەپ ئىشلەش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ھەم راۋاجلىنىدۇ. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەخلاقىي تەربىيە مەزمۇن جەھەتتىن باي، مەنبەسى كەڭ ۋە ئۇسۇلى ھەرخىل بولۇشتەك كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە. ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى، بولۇپمۇ چوك دانىشمەن پەيلاسوپ، ئەخلاقىي ۋە قانائەتچانلىقنىڭ سىمۋولى ئۆدغۇرمىشنىڭ كۆنتۇغدى ئېلىگ ۋە ئۆگدۈلمىش بىلەن قىلغان بىر نەچچە قېتىملىق سوئال - جاۋاب شەكىللىك سۆھبىتىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ، بىز بۇ يەردە ئايرىم نەقىل كەلتۈرۈپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت شۇنىلا ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، گەرچە ئەخلاقىي تەربىيە توغرىسىدىكى بۇ قاراشلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە رېئال تۇرمۇشتىن ئايرىلغان پەندى - نەسىھەت تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىمنىڭ يېڭى زاماندا ئەخلاقىي تەربىيەگە ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مۇھىملىقى ۋە رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشىمىز ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك ئەدەبىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۆدغۇرمىشنىڭ رېئال دۇنيادىن تامامەن قول ئۈزۈپ، زاھىتلىق يولىغا مېڭىشتەك تەربىيىلىنىش ئۆسۈلىغا كۆنتۇغدى ئېلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش قوشۇلماي
دىغانلىقى، ئولار ئودغۇرمىشنى جەمئىيەت خىزمىتىگە قات نىشىش ۋە خەلققە پايدا يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ، ئۆ نىگغا ھەقىقىي بەخت - سائادەتنى خەلققە خىزمەت قىلىش تىن ئىزلەشتەك ئالىيجاناپ پەزىلەتنى تونۇتقانلىقى — يۈ سۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە توغرىسىدا يەت كەن مەنزىلىنىڭ ئادەتتىكىدىن كۆپ دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
x x x
«قۇتادغۇبىلىك» داستانى 11 - ئەسىردە دۇنياغا كەلگەن بىر چوڭ ئەدەبىي، ئىجتىمائىي ئەسەر؛ بۇنىڭ مۇ ئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ شۇ دەۋردە تونۇلغان ئاتاقلىق بىر سىياسىي ئەرباب ۋە قاراخانىلار ھۆكۈمدارى نۇبۇل ھەسەن بۇغراخاننىڭ خاس ھاجىپى بولغاچقا، پەل سەپە تارىخى ۋە ئېستېتىكا تارىخىدىكى بارلىق ئىلمىي مىراسلارغا ئوخشاشلا بۇ داستاندا بايان قىلىنغان ئىجتى مائىي ئەخلاقىي ئىدىيىلەرمۇ تارىخىي شارائىتنىڭ چەكلى مىسى ۋە ئالىمنىڭ سىنىپىي ئورنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچ رىماي قالمىغان. ئالىم بىر تەرەپتىن كىشىلەرنى خەلق ئاممىسىنىڭ غېمىنى يەپ ئۆلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلققە خىزمەت قىلىشنى ئەڭ چوڭ بەخت ۋە يۈكسەك گۈزەل ئەخلاق دەپ بىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى نىڭ بۇ ئەخلاقىي تەشەببۇسىغا زىت كېلىدىغان بەزى پاسسىپ پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
169
مەسىلەن: ئۇ ئاۋام خەلقنى «يېنىك ھەم نالايىقسان، قوپال ۋە شاللاق» مىجەزلىك كېلىدۇ؛ «خەلقنىڭ رەڭگى قارا، بەگلەر ئاق» بولىدۇ، دەپ ئاممىنى پەس كۆرىدىغان ۋە ھۆكۈمران خان - بەگلەر تەبىقىسىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان خاتا ئىدىيىنى تەرغىب قىلغان. خەلق ئاممىسىنى «قوپال»، «سوغۇق»، «قىلمىشسىز»، «بىلىمسىز، ئەقلى يوق» دەپ، ھۆكۈمران گۇرۇھلارنى بولسا قائىدە - يوسۇننى بىلىدىغان، سىلىق - سىپايە، ئەدەبلىك، بىلىملىك ۋە ئەقىللىق دەپ سۈپەتلىگەن ھەم دە ھۆكۈمران گۇرۇھلارنى ئاۋام خەلقتىن يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. لېكىن شۇ ئاۋام خەلقسىز «ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە بۇ ھۆكۈمدار - بەگلەرنى «كۆڭۈلدە غەش ساقلىماي» ئاممىغا «ياخشى سۆزلۈك بولۇش» قا نەسىھەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە خەلق ئاممىسىنى «گېلىدىن بۆلەك نېمىنى ئويلىمايدىغان»، «شۇ بىر كال ئۈچۈن» ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان، ھەتتا «چەك تۇتمىسا، ھاكىم بولۇشقىمۇ ئۇرۇنىدىغان» ياۋايى مەخلۇققا ئوخشىتىپ، ھۆكۈمران سىنىپلارنى بۇنىڭغا «دىققەت قىلىش»، ئۆزىنى «ياخشى كۆزىتىش» ۋە خەلقنى «چەك تۇتۇش» قا ئاگاھلاندۇرغان، ۋاھاكازالار.
شۇڭا بىز «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغاندا، مەسىلىنى ماركسىزملىق دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم نۇقتىئىنەزىرى بىلەن كۆزىتىپ،
بىر تەرەپتىن، ئۆلى مۇئەييەن تارىخىي شارائىت ئاستىغا قويۇپ كونكرېت تەھلىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ بىبھا گۆھەرنىڭ قىممىتىنى دېگۈدەك باھالاپ، ئۇنى تولۇق قېزىپ چىقىشىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ، تارىخىي ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىكىنىمۇ يېتەرلىك مۆلچەرلەپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مەغزىنى تاللىۋېلىشىمىز لازىم.
171
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت كۆز قارىشى توغرىسىدا
مۇھەممەت زۇنۇن
1
11 - ئەسىردە قاراخانىلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى، مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا شانلىق نامايەندە سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، شائىر قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى، ئون مىڭ يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى پەلسەپە ۋە ئەخلاق سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈپ خۇلاسىلەپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىگە خاس سىمۋوللۇق ئوبراز يارىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا يېڭى يول ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن شۇ دەۋر ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ
ناھايىتى ئاز تېپىلىدىغان ئۆزىگە خاس ئورىگىناللىققا ئىگە مەشھۇر ئەسەر بولۇپ قالدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنداق چوڭ ھەجىمدىكى (13 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق)، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق داستاننى يۈكسەك ماھارەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقىشىدا، ئۇنىڭ قاراخانىلار دەۋرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى، ساددا ماتېرىيالىزمچىلىق دۇنيا قارىشى، مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشى، ئەدەبىي جەھەتتىكى چېنىقىش قاتارلىق ئامىللاردىن باشقا، شائىرنىڭ ئىلمىي ئەدەبىيات - سەنئەت كۆز قارىشى مۇھىم رول ئوينىدى.
بۇ ماقالىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئەدەبىيات - سەنئەت كۆزقارىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئۈستىدە بەزى مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
2
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىن شائىرنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى ئۆزىگە خاس بىر قەدەر سىستېمىلىق، ئىلمىي ئەدەبىيات - سەنئەت كۆز قارىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ كۆز قاراشلار ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئورنى، ئۆتكۈزۈپ پىشىپ يېتىلىپ مۇستەقىل پەنلەرگە ئايلىنىپ، تېخىمۇ يۈكسەكلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت
كۆزقارىشىنى تەتقىق قىلىش — ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيىۋى سىستېمىسىنى تىكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالدى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ (يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىيات - سەنئەت دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتمەي، بۇ چۈشەنچىنى شائىر سۆزى، شائىر تىلى دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ) ئىجتىمائىي رولىنى ئىنتايىن يۇقىرى باھالايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتابىنىڭ نامى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
350 كىتاب نامى قويدۇم قۇتادغۇبىلىك، قۇتاتسۇن ئوقۇغۇچىغا تۇتسۇن ئىلىك.
رۇشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىيات - سەنئەتنى «ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى»، «بەخت - سائادەت بەخش ئېتگۈچى بىلىم» دەپ قارايدۇ. شۇڭا كىتابخانلارغا خىتاب قىلىپ:
359 خوشاللىقتا يۈرگەن ئەي ياخشى يىگىت، سۆزۈمنى زايه قىلما ئوبدان ئاڭلا.
360 تىرىش، توغرا يولدىن ئاداشما ئامان، يىگىتلىك كېتىدۇ بېكار، پايدىلان!
دەپ يازىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەت «يول كۆرسەتكۈچى» رولىنى قانداق ئۆتەيدۇ؟
4392 كېلۇر ئەمدى شائىر، بۇ سۆز تەركۈچى، كىشىلەرنى ماختاپ ۋە ھەم سۆككۈچى.
4395 كۆرسەڭ دېڭىزغا كىرەر كىشىدەك، گۆھەر، ئۈنجۈ، ياقۇت چىقارۇر، دېمەك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ئەدەبىيات - سەنئەتتە شائىر تۇرمۇشقا چۆكۈپ، تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ياخشىلىقنى ماختاپ، يامانلىقنى سۆكىدۇ. كىشىلەرگە گۆھەر، ئۈنجۈ، ياقۇت تەقدىم قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە يول كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. ھازىرقى تىل بىلەن ئېيتقاندا، يازغۇچى تۇرمۇشقا چۆكۈپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت زىددىيەتلەرنى كۆزىتىدۇ، تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، تىپىكلەشتۈرىدۇ. مەدەنىيلىك ۋە پاش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دۆلەت تەقدىرىگە، خەلق مەنىۋىيىتىگە ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە يول كۆرسىتىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولىغا نىسبەتەن ساددا ماتېرىيالىستىك كۆز قاراش بولۇپ، بۇ قاراش يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئېچى
كى قانۇنىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى (بۇ قاراخانىيلار خاقانى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن دەۋرى) تۇرمۇش دېڭىزىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ توپ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ، شۇ دەۋر ئۈچۈن گۆھەر، ئىنجۇ، ياقۇت تەقدىم قىلدى.
نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۈچۈن گۆھەر، ئىنجۇ، ياقۇت بولۇپ قالدى؟
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن باشلانغان قاراخانىيلار ھاكىمىيىتى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە سىياسىي جەھەتتىن بىر قەدەر تىنچ مۇھىتقا كۆچكەن، پەن-مەدەنىيەت گۈللەنگەن، ھەر ساھەدە بىلىم ئىگىلىرى كۆپلەپ يېتىشىۋاتقان «ئالتۇن دەۋر» نى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن قاراخانىيلار دەۋرى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلان خان ھاكىمىيەتكە كەلگەندە چۈشكۈنلىشىش، يىمىرىلىش يولىغا قاراپ ماڭدى. ھەسەن ئارسلان خان ئۆزىگە قاراشلىق يەر-زېمىننى پەرھەنتلەرگە بۆلۈپ بەردى. ئۆزئارا ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارغا خالىغانچە تالون-تاراژ سالدى، ئەيش-ئىشرەت سۈرىدىغان، دۆلەت خەزىنىسىنى بۇزۇپ-چاچىدىغان ئىشلار كۆپەيدى. نەتىجىدە، سىنىپىي زىددىيەت ۋە ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ ئىچكى زىددىيىتى كۈچەيدى، دۆلەتنىڭ، خاننىڭ نوپۇزى كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەپ كەتتى.
شائىر، «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭسىزلىكنى جانلىق سۈرەتلەپ مۇنداق يازىدۇ:
5242 بىرى يەركەكەچ زۇلۇم، بەختى قارادۇر، بىرى يوقلۇق غېمىدە بەندىۋادۇر.
5243 بىرى ئاچ، ئۇ بىرىسى يالاڭغاچ يۈرۈر، بىرى قايغۇ - غەمدە پىغانلار چىكىر.
5245 بېرىپ دورا - داۋاسىن قىلمىساڭ گەر، سېنىڭدىن بۇ خەلقتە پالاكەت كېلەر.
5259 غاپىل بولما، بولساڭ بۇ بەگلىك كېتەر، ھەر ئىككى جاھاندا غاپىل ئاھ چىكەر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ياشاپ تۇرغان رېئال ھاياتنى پادىشاھقا ھېسداشلىق قىلىش، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىگە ئېچىنىش مەيدانىدا تۇرۇپ پاش قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەسەن بۇغراخان دەۋرىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ياشاپ تۇرغان دەۋردە ھەسەن بۇغراخان ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش، ئۇنىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان جىددىي مەسىلە، دۆلەتنى باشقۇرۇش، دۆلەت
177
نى تازىلاش جەھەتتە جەمئىيەتكە گۆھەر، مەرۋايىت، ياقۇت تەقدىم قىلغۇچى شائىرنىڭ (ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ) ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ قارىغان؛ دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق يول كۆرسىتىمۇ كېچى بولغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالدى بىلەن پادىشاھقا «كۈنتۇغدى» دەپ نام قويۇپ، پادىشاھ ئاغزىدىن:
831 تۇغار كۈن ئېرىغ يا ئېرىغسىز دېمەس، تومۇمغا يورۇقلۇق بىرەر كېمەيمەس.
832 مېنىڭمۇ قىلىقىم مۇشۇنداق بولۇش، مېنىڭدىن جىمىگە تەڭ كېلىش تولۇش.
دەپ دۆلەت ھەممىگە تەڭ نۇر تۆككۈچى قۇياش، ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قورال بولۇشى كېرەك، دەيدۇ.
دۆلەتنى ئەنە شۇنداق قورالغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە:
817 كېرەك تۇغلۇم تولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم، يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىرەر قونۇقۇم.
818 ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا.
دەپ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن ئاجايىپ شانلىق دېموكراتىك ئىدىيىنى ئالغا سۈرىدۇ.
مەلۇمكى، قانۇن دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغان ۋە ماقۇللانغان تۈرلۈك ھەرىكەت قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسى. ھۆكۈمران سىنىپلار ئىدارىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، قانۇن ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ مۇئەييەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتىكى مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سىنىپ ۋە سىنىپىي ھۆكۈمرانلىق مەۋجۇت جەمئىيەتتە، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن فېئوداللىق زۇلۇم ئەۋجىگە چىققان، سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن ئەينى شارائىتتا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرۈش — خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىنى، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ، خەلقپەرۋەرلىك كۆز قارىشىنىڭ روشەن بەلگىسى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە يەنە ئەخلاق ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى سىنىپ، ھەر قايسى قاتلاملار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ھەققانىيەتلىك بىلەن ھەقسىزلىك، ئادىل بولۇش بىلەن يان بېسىش، سادىقلىق بىلەن ساختىلىق قاتارلىق ئەخلاقىي ئۆلچەملەر بىلەن باھالاپ ۋە كونترول قىلىپ، ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئارقىلىق
دۆلەت قانۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى كۆپ تەرەپلىمە تەكىتلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قانۇن بىلەن ئەخلاق بىر - بىرى بىلەن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى چوڭ قورال ئىكەنلىكىنى، قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلاش، بىر - بىرىگە ماسلىشىش خۇسۇسىيىتىنى، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتە ئەخلاقنىڭ قانۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن. شۇڭا، «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىگە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك، شەرەپ بىلەن نومۇسنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان ئەخلاق كۆزقارىشى باشتىن ئاخىر بىر قىزىل يىپ بولۇپ سىڭگەن. شائىر:
895 ئۆزى ياخشى بولسا بۇ بەگلەر ئەگەر، بېيىپ ھەممە خەلقى، جاھان تۈزۈلەر.
821 ئادالەت ئۈستىدە بۇ بەگلىك تۇلى، بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت يولى.
1412 خەلق قوي كېبىدۇر، بېگىدۇر چوپان، چوپان بولماق كېرەك قويغا مېھرىبان.
دەپ، بىر تەرەپتىن، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ
خەلققە نىسبەتەن ئادىل بولۇشنى، زالىملىق، زوراۋانلىق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق ئاممىسىنىڭمۇ پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن:
2767 كۆيۈمچان خىزمەتچى ۋاپادار بولۇر، ۋاپادار خىزمەتچى بېگىن باي قىلۇر.
2875 ئەقىللىق، ۋاپادار ئەر ئېسىل ئېروۇر، كىشىلەر ئۈچۈن ئۇ جان پىدا قىلۇر.
2307 ئازاد - ھۆر كىشىلەر ياخشىلىق قۇلى، قىلىپ ياخشىلىق ئاچ دۇرۇسلۇق يولى.
دېگەندەك سەمىمىي، سادىق، ۋاپادار بولۇشنى، ياخشى ئىش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا دۆلەت ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملىنىدۇ، روناق تاپىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەخلاق مەسىلىسىدە لېنىن مۇنداق دېگەن ئىدى: «نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەرگە مەلۇم بولۇپ كەلگەن، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى بارلىق تەمسىللەردە تەكرارلىنىپ كەلگەن ئەقىللىق جەمئىيەت پرىنسىپلىرى مەۋجۇت ئىدى»①. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ساقلىنىپ كەلگەن جەمئىيەت پرىنسىپلىرىنى، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى پەلسەپە سەۋىيىسىگە كۆ--- ① ۋ. ئى. لېنىن: «دۆلەت ۋە ئىنقىلاب».
تۇرۇپ خۇلاسىلەيدۇ. شائىرنىڭ نەزىرىدە مەردلىك، سېخىلىق مەدھىيىلىنىپ، بېخىللىق، ئاچكۆزلۈك سۆكۈلۈپ، كەمتەرلىك، كىچىك پېئىللىق مەدھىيىلىنىپ، مەغرۇرلۇق، تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىللەتلىرى كۆرسىتىلىپ، ئۇلارغا نەپرەت ئويغىتىلىدۇ. كەڭ قورساقلىق، سەۋرچانلىق، قانائەتچانلىق مەدھىيىلىنىپ، ئىچى تارلىق، ھەسەتخورلۇق، غەيۋەت - شىكايەت سۆكۈلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تىلى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى ئوخشاش بولۇشى، ئوچۇق - يورۇق بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ۋاپا - ساداقەت، ياخشىلىق مەدھىيىلىنىپ، ۋاپاسىزلىق كىشىگە يامانلىق قىلىش ئەيىبلىنىدۇ. غەيرەت - قەھرىمانلىق، باتۇرلۇق مەدھىيىلىنىپ، قورقۇنچاقلىق كەمسىتىلىدۇ. ياخشى پەزىلەت بىلەن نام قالدۇرۇش، ھاياتلىق بولۇش، ئاتا - ئانىلارنى، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتلەر تەرغىب قىلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ گۆزەل ئەخلاقىي پەزىلەت، ئەقىللىق جەمئىيەت پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى تەرتىپ، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنى نىيەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ئورتاق بولغان جەمائەت پىرىنسىپلىرىنى، ئەقىللىق پەزىلەتلىرىنى شېئىرىي تىل بىلەن خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىنجۇ، ياقۇت مەنىۋى بايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى - يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر ئۇلۇغ نەتىجىسى.
شائىر تۇرمۇش دېڭىزى ئىچىدىكى ئىنجۇ، ياقۇتنى، ئۆزىنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرىنى قانداق ئىپادىلەيدۇ؟
4393 قىلىشتىن ئېتىتكرەك بولارنىڭ تىلى، قىلىدىنمۇ نازۇكرەك تەپەككۇر يولى.
4394 نەپەس ھەم تېرىن سۆز دېسەك ئوقايىن، بۇلاردىن ئېشىتكىن، ئوقۇلۇر كېيىن.
4396 ئولار ماختىسا، ئەلگە تارار شۆھرىتى، ئەگەر سۆكسە كىمنى، سېسىدۇ تېنى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ: شائىر تۈپ ئىدىيىسى ۋە ئارزۇ - ئۈمىدىنى قۇرۇقتىن قۇرۇق ئەمەس، بەلكى تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق نازۇك تەپەككۇر ئۇسۇلى (ھازىرقى تىل بىلەن ئېيتقاندا ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى)نى قوللىنىپ، ئىجادىي ۋە سەنئىي ئوبرازلاردىن ئىبارەت خىلمۇخىل ئوبراز يارىتىپ، ئۆلگە تىكلەيدۇ، بۇ ئۆلگىلەر كىشىلەر قەلبىدە ئۈن - تىنسىز ئاستا - ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەسەر كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى رول ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە كۈنتۇغدى ئېلىگ (خان)، ئايتولدى (ۋەزىر)، ئۆگدۈلمىش (خان ئوغلى)، ئودغۇرمىش (ئالىم) تىن ئىبارەت تۆت سىمۋوللۇق پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. ئەنە شۇ پېرسوناژ ئوبرازى ئارقىلىق شۇ زامان كىشىلىرىگە ئۆلگە تىكلەپ، بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ.
158 سۆزۈم ئۆشۇ تۆت نەرسە ئۈستىدىدۇر، ئۇقۇساڭ دىققەتلىە، مەنا ئېچىلۇر.
دەپ ئاشۇ تۆت پېرسوناژغا يازغۇچىنىڭ مەقسىتى، ئارزۇ-ئۈمىدى سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى كىتابخانلارغا ئالامىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.
بۇ تۆت پېرسوناژ بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدىغان، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ھەم رېئال، ھەم غايىۋى شەخسلەردىن ئىبارەت. بۇ تۆت پېرسوناژ ئوبرازىدىن شائىرنىڭ ئۆتكۈر رېئالىست ھەم رومانتىك شائىر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كۈنتۇغدى ئېلىگ ئوبرازى بىلەن تۆكۈلۈمىش ئوبرازى ئادىل پادىشاھ ئوبرازى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. لېكىن بۇ ئىككى ئوبراز خاراكتېر، خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتىن پەرق قىلىدۇ، كۈنتۇغدى ئېلىگ خۇددى شائىر تەسۋىرلىگەندەك تەدبىرلىك، زېرەك، قابىل پادىشاھ بولۇپ، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇپ شۆھرەت قازانغانىدى. لېكىن خۇددى ئودغۇرمىش ئېيتقاندەك: «جاھان يىققاندىن نە پايدا بولۇر». ئۇ خەلققە زۇلۇم سالىدۇ، مال-دۇنيادىن غا بېرىلىدۇ. پەزىلەت جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن مەغرۇر.
ئەمدى شائىر قەلىمىدىكى تۆكۈلۈمىش ئوبرازى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئېسىل پادىشاھ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. جاسارەت، ئەقىل-پاراسەت قاتارلىق ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك
بولغان بارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر بۇ ئوبرازغا يىغىنچاقلانغان. شائىر بۇ ئوبرازنى ئادىل پادىشاھلارنىڭ نەمۇنىسى قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. مۇشۇنداق پادىشاھ بولسا، دۆلەت بىر قۇياشقا ئايلىنىپ ھەممىگە تەڭ نۇر چاچالايدۇ، بۆرە بىلەن قوزا بىللە ئوتلايدىغان زامان كېلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئايتولدى ئوبرازى بىر مۇكەممەل پاك ئەمەلدار ئوبرازى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ بىر ئالىم، ئۇنىڭ مۇھىمى توغرا نىيەتلىك، كىچىك پېئىل، مېھرىبان؛ ھەسەت، غەيۋەت، ھاۋايى-ھەۋەستىن خالى بولغان پاك، ساپ ئەمەلدار؛ ئادىل قانۇننىڭ ئىجراچىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ تەرغىباتچىسى، بىلىم تارقاتقۇچى باھۋەن. ئايتولدى ئوبرازى دەل شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئوبرازى دەپ قاراش مۇمكىن. ئۆدگۈرمىش ئوبرازى ئىنسانپەرۋەر ئالىم سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ نامراتلىقتا ياشايدۇ، جەمئىيەتنى چوڭقۇر كۆزىتىدۇ، مەنپەئەت تاماھى يوق؛ پادىشاھ، ئەمەلدارلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىللەتلىرىنى قاتتىق سۆكىدۇ. ئىسلاھاتچىلىق غايىلىرىنى پادىشاھقا ئادىل بايان قىلىدۇ ۋە ئۇنى مەرىپەتكە، ئادالەتكە، خەلقپەرۋەرلىككە ئۈندەيدۇ. ئەسەردىكى ئۆدگۈرمىشنىڭ تىلى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى شائىرنىڭ ئۆزى بولۇپ، ھەم ئەقىل كۆرسەتكۈچى، ھەم سۆككۈچى رولىنى ئوينايدۇ. ئايتولدى پادىشاھقا ئوردا خادىملىرى بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا كۆپرەك مەسلىھەت بەرسە؛ ئۆدگۈرمىش ئالىملار، شائىرلار، دېھقانلار، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە پۇقرالار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش؛
ئولارنىڭ ھالىغا يېتىش، ئۇلارغا ئادالەت ۋە شەپقەت يەتكۈزۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. ئۆتكۈرمىش — شائىرنىڭ خەلقپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئوبرازلىق كۆرۈنۈشى دەپ قاراش مۇمكىن.
شائىر بۇ تۆت پېرسوناژنى بىر-بىرىنى ھىمايە قىلىدىغان، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، كەم جايلىرىنى تولدۇرىدىغان ئىنسانىي پەزىلەتكە تولغان ئالىيجاناب جاھان پەرىشتىلىرى، ئاشۇنداق ئادىل پادىشاھ، پاك ئەمەلدار، بىلىملىك، پەزىلەتلىك ئەربابلار بىلەن جاھان تۈزىلىدۇ، دۆلەت گۈللىنىدۇ، بۆرە بىلەن قوزا بىللە ئوتلايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ شائىرنى تۇرمۇش دېڭىزى ئىچىدىن گۆھەر، ئۈنجۈ، ياقۇت تەگكۈچى، ئوبراز ئارقىلىق ھاياتقا يول كۆرسەتكۈچى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، شائىرغا نىسبەتەن تولىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. شائىرنى ئالىم، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، تەجرىبە توپلىغۇچى، پەزىلەت ئىگىسى دەپ باھالايدۇ، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى، پەلسەپىۋى، نازۇك پىكىرلەرنى كۆپىنچە شائىرلىق تىلى ئارقىلىق بېرىدۇ.
شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ شائىرنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەربىيىلىنىشى، چېنىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە بولۇپلا قالماي، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شائىر، يازغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر شانلىق ئۈلگە. يۈسۈپ
خاس ھاجىپ ئۆز زامانىسىدىكى تىبابەت، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىڭ؛ قانۇنشۇناسلىق، پەلسەپە، تارىخ قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىنى، ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بۇ خىل شەكىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغدىغان، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغان، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى دەۋر ئاچقان. ئەڭ مۇھىمى، شائىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بىر ئۇلۇغ ھاجىپ. شائىرنىڭ ئەسىرىدە، ئۇنىڭ ياراتقان پېرسوناژلىرىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي گۈزەللىكى جەۋلان قىلىدۇ. شائىرنىڭ ئەسىرى دەل شائىرنىڭ ئۆزى. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شائىر خەلقىمىز تارىخىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلۇغ ئۇستاز سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
3
يولداش ماۋزېدۇڭ «يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇق» تا: «بىز بارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ،
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەنقىدىي ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز زامان، ئۆز ماكانىمىزدىكى خەلق تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت خام ئەشيالىرىدىن ئەسەر يارىتىشتا ئۆرنەك قىلىشىمىز لازىم» دېگەن ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ تارىخىي شەخس. دەۋر ۋە سىنىپىي چەكلىمە تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىدا، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر، نۇقسانلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك مىراسنى قالدۇرۇپ كەتتى. شائىرنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىلغار ئەدەبىيات-سەنئەت كۆزقاراشلىرى زامانىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈشتە بىر مۇھىم ئۆرنەك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھاياتنى ئوبراز ئىچىدە پەلسەپە نۇقتىسىدىن، دۇنيا قاراش يۈكسەكلىكى بىلەن باھالايدىغان، خۇلاسىلەيدىغان بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى ۋە بېيىتتى. ئۆلگىچە خاراكتېرلىك باي ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى يارىتىپ، شۇ دەۋر ئەدەبىياتىغىلا ئەمەس، كېيىنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ھەتتا ئۇيغۇر مۇقاملىرىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى بىر پۈتۈن سىستېما دەپ قارىغاندا، ئۇنىڭ شەكلى، تۈرى خىلمۇخىل
بولىدۇ. لېكىن ئونىڭ مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر - تېگىشلىكى، كىشىگە بېرىدىغان تەسىرىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى، ھاياتى كۈچىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى جەھەتتە بىر - بىرىدىن پەرق قىلىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى كۆپىنچە ئاجايىپ قىزىقارلىق، ئاجايىپ نازۇك، مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى پەلسەپە سەۋىيىسىگە، دۇنيا قاراش سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈپ يىغىنچاقلىشى ۋە ئۇنى جانلىق ئىپادىلەش بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەنە شۇنداق ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولغان بەدىئىي ئەسەرنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى، بېغىشلايدىغان روھىي ئوزۇقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. دەۋر، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەنمۇ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» ئەنە شۇنداق ئەسەر، بۇ ئەسەردىكى:
6532 قېشىندەك بويۇم ئېگىلدى، ئوقدەك دۇرۇس - تۈز، بولۇپ ئەگرى يادەك ئېگىلدىم، ئېگىشتىم.
6605 بىلىم بىل، ئۆزۈڭ بول تۆردە ئولتۇرار، بىلىمسىز كىشىگە ئو مەھكەم تۇرا.
6636 نەچچە مىڭ ياشىسا، ئاخىر ئۆلگۈلۈك، نەچچە يېغسا دۇنيا قالۇر ئارقىدا①.
① ئارقىدا — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئارقىدا.
دېگەن يالقۇنلۇق پىكىرلىرى ھازىرمۇ كىشى قەلبىدە چوڭقۇر ھاياجان قوزغايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە نامايەن قىلىنغان ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت كۆز قاراشلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ مىللىي، ئىلمىي ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىۋى سىستېمىسىنىڭ بېخلىرى ئاللىقاچان شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پارتىيىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش، «قەدىمكىنى ھازىرقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاساس سالغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت كۆزقاراشلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۆنەك قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت شانلىق ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلىشىمىز لازىم. بۇ، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئانا ماكانى بولغان ئېلىمىزدە «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا، شېئىرىي شەكىل بىلەن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغانلىقىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش بولىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ بەدىئىي مېتودى توغرىسىدا
شېرىپىدىن ئۆمەر
ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى پرىنسىپلىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ئاڭ فورمىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەدەبىيات - ھاياتنى بىلىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈشتە باشقا پەنلەردىن پەرقلىق ھالدا ئوبرازلىق تەپەككۇرنى ئۆزىگە قورال قىلىدۇ.
«ئوبرازلىق تەپەككۇر» ئاتالغۇسىنى بىرىنچى بولۇپ ئەدەبىياتقا ئېلىپ كىرگەن كىشى - نېمىس پەيلاسوپى گېگېل بولۇپ، ئۇ: «پوئېتىك تەسۋىرنى بىز ئوبرازلىق تەسۋىر دەپ بەلگىلەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئابستراكت ماھىيەت ئورنىغا ئۇنىڭ كونكرېت رېئاللىقىنى قويىدۇ»① دەيدۇ.
ئىجتىمائىي تەپەككۇر تىپىنىڭ بۇ خىلىنى رۇس ئىنقىلابىي دېموكراتلىرىدىن بىرى بولغان ۋ. گ. بېلىنسكىينىڭ ئالىم بىلەن يازغۇچىنى سېلىشتۇرۇپ ئېيتقان
① «گېگېل ئەسەرلىرى» 14-توم، 194-بەت، رۇسچە.
مۇنۇ سۆزلەردىنمۇ تېخىمۇ ئوچۇق بايقاۋالالايمىز: «پەيلاسوپ سىللوگىزملار① بىلەن، شائىر بولسا ئوبرازلار، كارتىنا (مەنزىرىلەر) بىلەن گەپ قىلىدۇ. ھەر ئىككىسىمۇ بىر نەرسە توغرىسىدا سۆزلەيدۇ… بىرى ئىسپاتلايدۇ، ئىككىنچىسى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىسى ئىشەندۈرىدۇ. پەقەت بىرى مەنتىقىي پاكىتلار بىلەن ئىشەندۈرسە، ئىككىنچىسى كارتىنا بىلەن ئىشەندۈرىدۇ»②.
ئەگەر بۇنى ئىش ئېلىپ بېرىش جەريانى بىلەن سېلىشتۇرساق، كۆز ئالدىمىزدا مۇنداق مەنزىرە پەيدا بولىدۇ: پەن ئەربابى توختىغان جايدا يازغۇچى ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر شەرتلىك رەۋىشتە تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى «A» بىلەن، شۇ تۇرمۇش ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئالىم ۋە يازغۇچى چىقارغان خۇلاسىنى «B» بىلەن بەلگىلىسەك، ئالىم بىلەن يازغۇچى (سەنئەتكار) ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مۇنداق بولىدۇ: ئالىمنىڭ يولى $A - B$ شەكىلدە تاماملىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئىشى بولسا، $A - B - A$ شەكىلنى ئالىدۇ. ياكى بۇ سىخېمىنى $A_1 - B - A_2$ تەرىقىسىدە ئىشلىتەسك، مەقسەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلۇغ لېنىن «پەلسەپە دەپتەرلىرى» ناملىق ئەسىرىدە: «ئىنسانىي رېئال ھايات قانائەتلىنەرلىك ئەمەس، ئىنسان ئۇنى مۆكەم---
① سىللوگىزم — لوگىكىدا ئىككى ھۆكۈمنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇلاردىن يېڭى بىر ھۆكۈم چىقىرىش.
② «ۋ. گ. بېلىنسكىي» 3- توم، 93- بەت، رۇسچە.
مەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ. ئىنسان ئىككى دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرىدۇلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانى يارىتىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تىپىكلەشتۈرۈش قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، بەدىئىي ئەسەر ھاياتنى مېخانىك رەۋىشتە تەكرارلىمايدۇ، بەلكى ئۇنى تىپىكلەشتۈرگەن ھالدا تەسۋىرلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يۇقىرىقى سىخېمىدىكى دەسلەپكى «A» بىلەن ئاخىرقى «A» ئوتتۇرىسىدا بىرلىكلا ئەمەس، بەلكى پىرىنسىپال پەرق بار، چۈنكى، بىرىنچى «A» ھاياتنىڭ ئەسلى - رېئال ھايات بولغان بولسا؛ ئىككىنچى «A» ئەسلى ھاياتتىن، رېئاللىقتىن تىپىكلەشتۈرۈپ يارىتىلغان، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان «بەدىئىي» رېئاللىقتۇر. بىزنىڭ بەدىئىي چىنلىق دېگىنىمىزمۇ ئەنە شۇ.
لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە مەنتىقىي خۇلاسىگە ئېلىپ كەلگەن ھاياتنىڭ كۆپ خىللىقى، جانلىقلىقى، كونكرېتلىقى، رەڭمۇرەڭلىكى، ئومۇمىي ھايات مەنزىرىسىنىڭ ھەممە تەپسىلاتلىرىنى ھەقىقىي رەۋىشتە قايتا تىكلەش يازغۇچى - سەنئەتكار ئالدىدا شەرت قىلىپ قويۇلىدۇ. شۇڭا، ل. تولستوي: «كىشى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھېسنى (پىكىرلەرنى) باشقىلارغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئۇنى ئۆزىدە قايتىدىن ئويغاتقاندا ۋە بۇنى مۇئەييەن تاشقى بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، سەنئەت باشلىنىدۇ»①
① تولستوي: «رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات توغرىسىدىكى ئەسەرلىرى» 3-توم، 450-بەت، رۇسچە.
دېسە، پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى م. گوركى: «يازغۇچىنىڭ ئىشى نېمىدىن ئىبارەت؟ ئۇ خىيال قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆزدىن كەچۈرگەنلىرى، تەسىراتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئوبرازلار، كارتىنىلار ۋە خاراكتېرلاردا مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ ۋە جايلاشتۇرىدۇ»① دېگەن ئىدى.
جۈملىدىن، گيوتېنىڭ «نەزەرىيە رەڭسىز بولسا، تۇرمۇش دەرىخى ھەمىشە ياشناپ - يېشىل تۇرىدۇ» دېگىنىنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقى پىكىرنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولالايدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئوبرازچانلىق ئىنسانىيەتنىڭ باشلانغۇچ تەرەققىيات دەۋرىدىن بۈگۈنگىچە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بولۇپ كەلدى.
ئەمما، ھەممە خەلقلەرنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدا، نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوبراز يارىتىش پرىنسىپلىرىنىڭ كونكرېت ئەمەلگە ئېشىشىغا دىققەت قىلىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا تۈرلۈك تارىخىي دەۋرلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر - بىرىگە يېقىن دەۋرلەرنىڭ يازغۇچى - شائىرلىرى، ھەتتا بىر ۋاقىتتا ياشانغان ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ئىجادىدىمۇ چوڭ پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ. ئىجادىي مېتود دائىرىسىدە ئوبراز يارىتىش پرىنسىپلىرىنىڭ
① م. گوركى: «ئەدەبىيات توغرىسىدا»، ئۇيغۇرچە، 194-بەت.
كونكرېت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى، ھەتتا بىر زاماندا ياشىغان يازغۇچىلارنى قايسى مىللەت، قايسى خەلقتىن بولغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئوخشاشمىغان گۇرۇھلارغا ئايرىيدۇ ياكى ئوخشاشمىغان دەۋر يازغۇچىلىرىنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
بەزى تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۈيۈك يۇنان دراماتورگى سوفوكل ئۆز زاماندىشى ئېۋرىپىدنىڭ ئىجادىدىن ئۆز ئىجادىنىڭ پەرقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ئادەملەرنى ئۇلار قانداق بولۇشى لازىم بولسا، شۇنداق تەسۋىرلەيمەن؛ ئۇ بولسا، ئادەمىلەرنى ئۇلار ئەمەلىيەتتە قانداق بولسا، شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ».
مۇنداق پەرقنى ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە مۇئەييەن ئوخشاشلىقنى تۆۋەندىكى مىساللاردىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ:
15 - ئەسىرنىڭ ئىككى بۈيۈك شائىرى ئەلىشىر ناۋائىي بىلەن ئابدۇراھمان جامى ئەسەرلىرىدە بىر - بىرىگە ئوخشاشماسلىق بار. ھەر ئىككى شائىر تارىخىي شەخس ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن (ئالېكساندىر ماكېدونىسكى) نى ناۋائىي «سەددى ئىسكەندەر»، ئابدۇراھمان جامى «خىراتنامەئى ئىسكەندەر» داستانلىرىدا، تارىخىي شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تەسۋىرلەشتىن كۆرە، بۇ تارىخىي شەخستىن پايدىلىنىپ، مەرتىۋە - رەپتار، ئادىل پادىشاھنىڭ غايىۋى ئوبرازىنى يارىتىشنى ئۆزلىرىگە ئىجادىي مەقسەت قىلىدۇ.
ناۋائىي ۋە ئابدۇراھمان جامىلارنىڭ ياش زاماندىشى
زۇھۇرىدىن بابۇر بولسا، ئۆز ئىجادىي پرىنسىپلىرى بويىچە ئۇلاردىن پەرقلىنىدۇ. بابۇر ئۆزىنىڭ «بابۇرنامە» سىدە ئۆز زامان كىشىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ كىچىك دېتاللىرىغىچە تارىخىي، ھەقىقىي، چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالنى ۋەتىنىمىزنىڭ قەدىمكى كلاسسىك شائىرلىرى لى بەي، دۇفۇ، بەي جۇيىلەرنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىنمۇ كۆرۈشىمىز مۇمكىن.
دېمەك، قەدىمدىن بۇيان يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىدا ئىككى خىل يول مەۋجۇت: بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىدا، ھاياتنى يازغۇچى ئۆز ئارزۇسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، بىلىش كىشىنىڭ تەرەققىي بىلەن ئېيتقاندا، ئىدېئاللاشتۇرۇپ تەسۋىرلەش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بولسا، بەزى يازغۇچىلار ھاياتنى «ئەسلى قانداق بولسا، شۇنداق» تەسۋىرلەشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. ھازىرقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا بىرىنچى خىل بەدىئىي تەپەككۇر «رومانتىك تەپەككۇر تىپى»، ئىككىنچى خىل تەپەككۇر «رېئالىستىك تەپەككۇر تىپى» دەپ ئاتىلىدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئەدەبىيات تارىخىدىكى يېرىك يازغۇچىلار پۈتۈن يەر شارىغا چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى گۇرۇھلارغا بۆلۈپ، بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ياكى يىراقلاشتۇرىدىغان نەرسە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك، بەدىئىي تەپەككۇر شەكىللىنىش ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولغان بەدىئىي ئىجادىيەت مېتودىدۇر.
ئۇنداقتا، ئەمدى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ
تەك يىرمىك نامايەندىسى جۇڭخۇا ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بولغان «قۇتادغۇبىلىك» نى قايسى ئىجادىي مېتودنىڭ مەھسۇلى دەپ كۆرىمىز؟
ئوتتۇرا ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت مېتودى ھازىرغىچە ناھايىتى ئاز تەتقىق قىلىندى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى ئەمدىلا باشلىنىۋاتىدۇ. مۇنداق شارائىتتا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قايسى خىلدىكى ئىجادىيەت مېتودىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىشتا، ئالدى بىلەن بۇ ئەسەر مەيدانغا كەلگەن رېئال ھاياتقا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، جاھان ئەدەبىيات تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق كلاسسىك بەدىئىي ئەسەر ئۆز دەۋرىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسىدىن، دەۋر روھىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئاپتورنىڭ ئۆزى بەرگەن مەلۇماتى بويىچە «قۇتادغۇبىلىك» مىلادى 1069 - 1070- يىللىرى قەشقەردە يېزىلىپ تاماملىنىپ، شۇ چاغدىكى قاراخانىيلار ھۆكۈمرانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئىبنى سۇلايمانغا تەقدىم قىلىنغان.
پىرتساك ۋە ئا. يې. داۋىدوۋىچنىڭ تۈزگەن قاراخانىيلار نەسەبنامىسىغا ئاساسلانغاندا، ھەسەن بۇغراخان ئىبنى سۇلايمان شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد سەردارى، ئارسلان سۇلايماننىڭ چوك ئوغلى، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ 30 - ھۆكۈمرانى بولۇپ، مىلادى 1074 - 1075- يىللىرى ھاكىمىيەتكە چىققان.
كەچۈرگەن دەۋرنىڭ ئاخىرى بولۇپ، راسا گۈللىنىۋاتقان ۋاقتى ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك گۈللىنىشتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دەۋرى ئىدى. بۇ چاغدا شەرقىي قاراخانىلار بىلەن غەربىي قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى جىددىي كېتىپ باراتتى. ھەتتا ئازمدىن ئۆزۈن ئۆتمەي، 1089- يىلى قاراخانىلارنىڭ جەڭگە - جېدەللىرىدىن پايدىلىنىپ، شۇ چاغ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي سەھنىسىدە ھۆكۈمرانلىققا كۆتۈرۈلۈۋاتقان سالچۇقى تۈركلىرىنىڭ شاھى مالىك غەربىي قاراخانىلارنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، شەرقىي قاراخانلار خانى ھەسەن بۇغرا خان ئىبنى سۇلايماننى ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋالغان ئىدى. بۇ ھالنى ھەتتا شائىرنىڭ ئۆزى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاخىرىدىكى شائىرنىڭ ئېپىلوگىدىمۇ يۇقىرىقى ھال ناھايىتى ئوچۇق بېرىلىدۇ:
6452 بىلىملىك خار بولدى، چەتلىتى ئۆزىن، ئەقىللىق گاچا بولدى، ئاچماس تىلىن.
6458 ھالالنىڭ ئېتىلا قالدى، ئۆزى يوق، ھارام بولدى قاراقچى، تويغۇچى يوق.
6459 قېنى بۇ ھارامنى ھارام دېگۈچى، ھارامنى قويۇپ بىر ھالال يېگۈچى.
6466 ئاپا كەتتى خەلقتىن، جاپا قالدى، ئىشەنج قىلغۇدەك بىر كىشى قالمىدى.
6467 ئاپا كەتتى خەلقتىن، جاپا ئالدى ئىز، ئىشەنج ۋە تايانچقا لايىق كىشى قىز①.
6471 ئامانەت ئېتى بار، قېنى قىلغۇچى، نەسھەت سۆزى بار، قېنى تۇتقۇچى؟
6472 قېنى ئەمىر - مەرۇپ② قىلغۇچى كىشى، قېنى ئۇ يامانلىق توسۇچى كىشى.
6476 كىشى بارچە يارماق قۇلى بولدىلەر، كۈمۈش كىمدە بولسا بويۇن ئەگدىلەر.
6480 جاھان باشتىن ئاخىر بۇزۇلدى پۈتۈن، كۆرۈپ تاڭ قالغۇچى ئەر بارمۇ مۇنى؟
6489 ئاخىرلاشتى دۇنيا، بۇزۇلدى قانۇن، ياماننى كۆرۈپ ھەم ياخشىلار بۈگۈن.
6492 تۈزگەردى جەمئىي نىزام ۋە قانۇن، قارا بىرلە ئاق بولدى پەرىقسىز پۈتۈن.
① قىز — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) قىس. ② ئەمىر - مەرۇپ — (ئەرەبچە) ياخشىلىققا بۇيرۇماق.
مانا بۇ قاراخانىلار جەمئىيىتىنىڭ بەدىئىي رېئالىستىك كارتىنىسىنىڭ مەركىزىي كۆرۈنۈشىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسمۇ؟
ئەمدى «قۇتادغۇبىلىك» تە يارىتىلغان بەدىئىي ھاياتچۇ؟ يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە، «قۇتادغۇبىلىك» ھاياتنى ئىنسان ئەقلى كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا قايتا قۇرۇش غايىسى بىلەن تولۇپ تاشىدۇ. رۇتسىئونالىست شائىر پادىشاھقا «كۈنتۇغدى» ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى بولغان دانا ۋەزىرگە «ئايتولدى» دەپ نام بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇياش ۋە ئاي ھايات ئۈچۈن قانچىلىك زۆرۈر بولسا، ھاكىمىيەت بىلەن ئىلىم ئىتتىپاقىنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن شۇنچىلىك زۆرۈرلۈكىنى بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىپادىلەيدۇ. داستاندا يارىتىلغان غايىۋى جەمئىيەتنىڭ دۆلەت بېشىدا بىلىملىك، ئادىل شاھ كۈنتۇغدى، دانىشمەن ۋەزىر ئۆگدۈلمىش تۇرىدۇ. بۇ دۆلەتتە «قانۇن ئالدىدا شاھمۇ، قۇلمۇ باراۋەر»؛ ئۇنىڭ دۆلەت خادىملىرى بىلىمدە ئالىم، ئەخلاق - پەزىلەتتە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن، جەمئىيەتتە ئىلىم - پەن گۈللەپ ياشنىغان، خەلقى باي، دۆلىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭ خەلقى شۇنچىلىك ئىتتىپاقلاشقانكى، شائىر تىلى بىلەن ئېيتقاندا، «بۆرە بىلەن قوزا بىللە ياشايدۇ». شۇڭا، كۈنتۇغدى ئېلىك ۋە ئۇنىڭ دۆلەت خادىملىرى، قاراخانىلار شاھلىرى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت خادىملىرىنىڭ رېئالىستىك - بەدىئىي تىپى ئەمەس، يەنى «قۇتادغۇبىلىك» تە يارىتىلغان بەدىئىي ھايات قاراخانىلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ھا
ياتىنىڭ رېئالىستىك بەدىئىي ئىنكاسى، قايتا تەكرارلىنىشى ئەمەس. دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك» شائىرنىڭ بەدىئىي غايىسىگە (ئىدېئالىغا) ئاساسەن، ھاياتنى قايتا ياراتقان رومانتىك ئەسەردۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇر تارىخىدا بىزگە مەلۇمكى، ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسر فارابى «غايىۋى شەھەر ئەھلىنىڭ قاراشلىرى» دېگەن داڭلىق ئەسىرىدە «بىلىملىك، ئادىل شاھ»، «ھەممە خەلق ئېلىش - بېرىشسىز باراۋەر ياشايدىغان جەمئىيەت» غايىۋى ئۇتوپىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەبۇ نەسر فارابىدىن بىر ئەسىر كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ فارابى كۆزقاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنە شۇ روھ سىڭگەن غايىۋى «بىلىملىك، ئادىل شاھ»، «بىلىم، ئادالەتلىك قانۇن ئاساسىغا قۇرۇلغان دۆلەت»، «بەخت - سائادەتلىك، گۈللىنىپ ياشىغان بىر مەركەزگە ئۇيۇشقان جەمئىيەت» نىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ، ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلەش ئىدى. ماركس «… مىللىي دۆلەتلەر تەشكىل قىلىشقا ئىنتىلىشنىڭ بارغانسېرى ئايدىڭراق ۋە ئۆتكۈرراق كۆرۈنۈۋاتقان تېندېنسىيىسى ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىن بىرى»① دېگەن ئىدى.
ئەنە شۇ يۇقىرىقى غايە گەۋدىلەنگەن «قۇتادغۇبىلىك» نى قاراخانىلار خاقانى ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم
① «ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى» 1- توم، 144- بەت، رۇسچە.
قىلىشتىكى شائىرلىق مەقسىتى، بۇ «جاھاننامە» ئەينىكىدە شاھ ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى كۆرۈپ، پارچىلىنىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان دۆلەتتە ئىسلاھات يۈرگۈزۈپ، قاراخانىلارنى مەركەزلەشكەن بىر فېئودال دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ، «بىلىملىك، ئادىل شاھ» رەھبەرلىكىدە خەلققە بەخت يارىتىشنى ئارزۇ قىلىش ئىدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
رومانتىزمنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرى بېخ ھالدا بولسىمۇ ئەدەبىيات - سەنئەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى باسقۇچلىرىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇلار كېيىن رومانتىزمنىڭ ھۆكۈمران مېتودى بولۇپ قىلىنىشقا ئاساس بولۇپ قالدى. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، رومانتىك بەدىئىي تەپەككۇر تىپىنىڭ باش خۇسۇسىيىتى — يازغۇچى - سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ۋەقەلەردىن قانائەتلەنمەي، باشقا ھاياتنى — رېئال ۋەقەلىكتىن يۇقىرىراق ۋە ساپراق ھاياتنى سېغىنىش ۋە ئىزلەش ھەممىدە ئۇنى تاپالماسلىق نەتىجىسىدە رېئال ھاياتنى تەسۋىرلەشتىن ۋاز كېچىپ، ئارزۇ قىلغان ھاياتنى تەسۋىرلەش ياكى مەۋجۇت رېئال ھاياتنى ئاتايىن كۆپتۈرۈپ، غايىۋىلاشتۇرۇپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق ھادىسە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە خاستۇر. بېلىنسكىي ئېيتقاندەك: «ئىنسان رو
ھەممە خەلقلەردە ۋە ھەممە زامانلاردا ئومۇمىي بولغان ھادىسىدۇر» ①.
رومانتىزم بۇ رومانتىك تەرەققىيات - سەنئەتتە دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى كلاسسىزم، سىمۋولىزم، رېئالىزم قاتارلىق بەدىئىي ئېقىم، مېتودلاردىن خېلى بۇرۇن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلايدۇ. رومانتىك تەرەققىيات ئېلېمېنتلىرى ياكى ئۇنىڭ ئەندىزىلىرى قەدىمكى يۇنان، رىم، جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدىن ئالغاندا، فېئودالىزم دەۋرى ئەدەبىياتىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىپادىلەنگەنىدى.
«قۇتادغۇبىلىك» نى نوقۇل بىر رومانتىك ئەسەر دېسەك، ئۇنىڭدىكى رېئالىزم ئامىللىرىنى ئىنكار قىلغان بولىمىز. بىر ئەسەردە پەقەت رېئالىزم ياكى رومانتىزملا بولۇشى ناتايىن. گەپ شۇ ئەسەردە قايسى روھ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىق مەسىلىسىدۇر.
بىر يازغۇچى ئىجادىدا بىرەر ئىجادىي مېتودنىڭ (مەسىلەن، رومانتىزمنىڭ) ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشى مۇشۇ يازغۇچى ئىجادىدا باشقا ئىجادىي مېتود ئېلېمېنتلىرىنى رەت قىلمايدۇ. مەسىلەن: بۈيۈك رېئالىست يازغۇچى بالزاكنىڭ «چېگرىن بولغارى» رومانى رومانتىك ئەسەر. بۇنىڭدا رېئالىزم ئېلېمېنتلىرى يوق دېگىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ياق! جۈملىدىن، ئەلىشىر ناۋائىي ئىجادى--- ① ۋ. گ. بېلىنسكىي «تولۇق توپلىمى» 7 - توم، 154- بەت، رۇسچە.
ديدا ھۆكۈمران مېتود رومانتىزم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا رېئالىستىك ئېلېمېنتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ناۋايى ئىجادىيىتى رومانتىزم بىلەن رېئالىزم ئېلېمېنتلىرى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كېتىشكەنلىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئەمەلىي پاكىت.
بۈيۈك تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ يېرىك ۋەكىلى سەدرىددىن ئەينى ناۋايى ئىجادىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، «خەمسە» دە ناۋايى سەلبىي تىپلارنى ئۆز زامانىسىدىن ئالغان، ئەمما ئۇلارغا قارشى قويۇلغان ئىجابىي تىپلارنى بولسا، ئۆز فانتازىيىسى ۋە ئىدېاللىرى (رومانتىزم ئاساسىدا) ياراتقان ۋە «ئادىل شاھ» غايىسىنى ئالغا سۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تە رومانتىزم مېتودى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغىنىدا گەپ يوق. ئەمما، ئۇنىڭدا رېئالىزم ئېلېمېنتلىرى خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەپ، رومانتىزم بىلەن كىرىشىپ بىر - بىرىگە سىڭىپ كەتكەن.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى رېئالىزم ئېلېمېنتلىرى داستاننىڭ باش قىسمىدىكى ئاسترونومىيىگە ئائىت ئىلمىي چۈشەندۈرۈش، تىل بىلەن تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتى، تىلنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى، قەھرىمانلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى، ھەرىكەت تەسۋىرلىرى ۋە شائىرنىڭ لىرىك چىقىنىشلىرىدا، ھەمدە داستاننىڭ ئاخىرىدىكى خاتىمە شەكىلدە بېرىلگەن قاراخانىيلار جەمئىيىتىگە قارىتا كۆزقاراشلىرى ھەم ئۆزى ھەققىدىكى ئېچىنىشلىق ئەپسۇسلىرى
قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى كۈچلۈك ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بولۇپمۇ داستاندىكى تەبىئەت تەسۋىرىدە ناھايىتى كۈچلۈك ۋە تەسىرلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، باھار تەسۋىرى مۇنداق بېرىلىدۇ:
63 ئېسىپ كەلدى شەرق تىن باھارنىڭ يېلى، بېزەشكە جاھان ئاچتى جەننەت يولى.
64 قوڭۇر يەر ئىپار تولدى، كافۇر① كەتتى، بېزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ.
65 جاپا قىشنى قوغلاب يازغى ئېسەن، پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىن.
66 قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا، بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا②.
① كافۇر — ئاق، خۇشبۇراق ۋە تەبىئىتى سوغۇق بىر خىل دورا. شائىر بۇ مىسرادا قارا يەرنى ئىپارغا، قارنى كافۇرغا ئوخشىتىدۇ. ② ئۆتمۈشتىكى مۇنەججىملەر ئاسماننى 12 بۇرۇجقا بۆلگەن، بۇلار تەرتىپ بويىچە ئاتىلىشى: ھەمەل، سەۋر، جەۋزا، سەرەتان، ئەسەد، سۇنبۇل، مىزان، ئەقرەب، قەۋس، جەدى، دەلۋ، ھۇت؛ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى: قوزى، ئۇي، قوشكېزەك، يولۋاس، تىمساخ، بۇغداي بېشى، تارازا، چايان، ياچاق، ئوغلاق، سوغا، بېلىق. دېمەك، بېلىق قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى، قوزى باھارنىڭ باشلانغۇچ ئېيى. شائىر بۇ يەردە «قىش كېتىپ باھار كەلدى» دېگەن ئۇقۇمنى شائىرانە تىلدا «بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا» دەپ كىنايە سۈپىتى بىلەن ئىپادىلىگەن.
67 قۇرۇغان ياغاچلار كىيىندى يېشىل، بېزەندى يىپۇن①، ھال، سېرىق، كۆك، قىزىل.
68 قوقۇر يەر يېپىندى يېشىل تۈرۈقنى، تاغاقچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى.
69 دالا، تاغ، قىر، ئويمان تۆشەندى يىپەك، بېزەندى ئادەملەر يېشىل، ھال كىيىپ.
70 تۈمەن رەڭ چىچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ، ئىپار، كافۇر ھىدىغا دۇنيا تولۇپ.
71 ئېسىپ تاڭ شامالى قەلەمپۇر پۇراق، ئىپار بويىغا تولدى دۇنيا بىراق.
72 غاز، ئۆردەك، قۇت، ئاققۇ خۇشاللىق بىلەن، قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقىرى - تۆۋەن.
73 ئەنە كۆر، بىرى قونسا، ئۇچار ئو بىرى، بىرى ئۈزسە ئويناپ، ئىچەر سۇ بىرى.
يۇقىرىدىكى باھار تەسۋىرىدە تەبىئەتنىڭ ئويغىنىشى، ئۇنىڭغا ماس ھايۋانلارنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداق جانلىق تەسۋىرلەنگەنكى، بۇنى ناھايىتى چوڭقۇر رېئالىستىك رەس
① يىپۇن — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) توق قىزىل رەڭ.
ساماننىڭ باھار توغرىسىدىكى بىر پارچە باي مەزمۇنلۇق ۋە ئۆتۈگلۈك چىققان گۈزەل رەسمىي بىلەن سېلىشتۇرۇش تامامەن مۇمكىن.
كەچكى شەپەق مەنزىرىسىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
3283 قۇياش ياندى يەرگە ھەم قويدى بېشى، يورۇق دۇنيا مەڭزى قىزارتتى تۈسىن.
3284 يېيىپ ساچىن ساما، ياپتى نۇر يۈزىن، گۈزەل زۈلپى قاپلاپ كەتتى يەر يۈزىن.
ئەمدى تۆكۈلۈمىش ئۈچۈن ئەنسىز كېچىنى ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە باغلاپ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
3836 قۇياش يەرگە ياندى، يوشۇردى يۈزى، پۈركەندى قامغا پەلەكنىڭ مەڭزى.
3837 جاھان سۈردى يۈزگە كۆمۈردەك بوياق، كۆرەر كۆز يۇمۇلدى، ئۇخلۇدى ئويغاق.
شائىرنىڭ بۇ يەردە قوللانغان بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، پېيزاژنى ئىنسان پىسخولوگىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەيدۇ. ئەدەبىياتتىكى مۇنداق تەسۋىرلەش ئۇسۇلى جاھان ئەدەبىيات تارىخىدا 16 - 17- ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا 11 -
ئەسەردىلا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تۆۋەندىكى تۆكۈلۈمىنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىغا بېرىش ۋە قايتىشىدا پەيدا بولغان دەككە - دۈككە روھىي ھالىتى بىلەن باغلاپ تەسىرلەنگەن مۇشۇ ئاجايىپ گۈزەل مىسرالاردىن ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ:
3948 يوشۇردى يۈزىن يەرگە رۇمى قىزى، جاھاننىڭ تۈسى بولدى زەڭگى يۈزى.
3949 ھاۋا ئالدى پۈتكۈل قارا قۇش ئۆڭى، جاھانغا تولدى ھەم قارا قۇش يۈڭى.
3953 قۇياش قوپتى يەردىن كۆتۈرۈپ بېشىن، ئۇچۇق يۈز كۈلەردەك كۆرسەتتى چىشىن.
4958 ئۇ چىقتى، ئاتلاندى ئۆيىگە يانا، چۈشۈپ، كىردى ئۆيىگە، يېشىندى مانا.
4959 قىزىل يۈزى بولدى پەلەكنىڭ سېرىق، جاھان بولدى ئالتۇن رەڭدەك تېرىق.
4960 قۇياش سۈرتتى يۈزگە سېرىق زەپىران، ھاۋارەڭ كېچىگە پۈركەندى جاھان.
4961 مەشئەللەر قېشىدەك بولۇپ ئاسمان، ھەبەش - زەڭگى تۈسكە كىردى جاھان.
4966 پەلەك يىرتتى كىيگەن قارا كۆڭلىگىن، كۆتۈرۈپ پەرەنجە، ئۇ ئاچتى يۈزىن.
4967 كۈلۈپ باقتى ئۆرۈلۈپ گۈزەل قىز يۈزى، يورۇدى جاھاننىڭ ھەر ئىككى يۈزى.
4968 قۇياش چىقتى ئۆرۈلۈپ، كۆرسەتتى ئۆزىن، يورۇتتى ۋادى ھەم دەريالار يۈزىن.
4970 ئاتىن تۇتتى، مىندى بىر ئوغلان بىلە، قايىشى ياققا ماڭدى خۇشھال، كۈلە.
ئەسەردە رېئالىزم ياكى رومانتىزمنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا چىقىشى يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ ئېستېتىك غايىسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىق.
ئەمما بەدىئىي ئىجادىيەتتە رېئالىزم ۋە رومانتىزمنىڭ پەيدا بولۇشى ئىجتىمائىي ھايات دىيالېكتىكىسىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت مېتودىدىكى ئىنكاسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىجتىمائىي ھايات (تەبىئىيەت ۋە جەمئىيەت) نىڭ بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى بەدىئىي ئىجادىيەت مېتودىدا ماركسىزم ئىنكاس نەزەرىيىسىنىڭ قۇدرىتىدە يورۇتۇلۇپ، ئاكتىپلىققا كۆتۈرۈلگەن. بىزنىڭ زامانىمىزدا رېئالىزم بىلەن رومانتىزم بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان بىر گەۋدىنى تەشكىل قىلىپ، سوتسىيالىستىك رېئالىزم دەپ نام ئالدى.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى توغرىسىدا
تۇرسۇن قۇربان
1
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاپ ئىجاد قىلغان، ئۇتتۇرا ئاسىيادا كامالەتكە يەتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى. ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئەدەبىيات ھەممىلا تىلدە تەڭلا شەكىللىنىپ بولمىغان بىر تارىخىي شارائىتتا مەيدانغا كېلىپ، يازما ئەدەبىياتىنىڭ بىر يۈكسەك ئەۋرىشكىسى ۋە نامايەندىسى بولۇپ قالغان ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەيدانغا كېلىشى يالغۇز ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك يازما ئەدەبىياتىنىڭ باشلانغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئىلىمىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ يۈكسەك يازما ئەدەبىياتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلار نەينى تارىخىي شارائىتتا ئىقتىساد ۋە
مەدەنىيەتتە، بولۇپمۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى بولغان مائارىپتا بەلگىلىك ئىلغار سەۋىيىدە بولمىغان بولسا، تىلىمنىڭ خېلى نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بۇنداق يېرىك ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنى جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر ئالاھىدە شەخس، «قۇتادغۇبىلىك» جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يازما ئەدەبىيات تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان بۈيۈك مەنىۋى مۆجىزە قىممەت دەپ قارايدۇ. داستاندا مائارىپ ۋە مائارىپشۇناسلىققا (پېداگوگىكىغا) ئائىت مەزمۇنلارمۇ ئاز ئەمەس.
مەلۇمكى، «مائارىپ ئادەم تەربىيىلەيدىغان ئىجتىمائىي ھادىسە»①. پېداگوگىكىنىڭ ماھىيىتى، مەقسىتى، مەزمۇنى، رولى ۋە ئۇسۇلى تامامەن ئادەملەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلغان. دېمەك، ئادەملەرنى تەربىيىلەش ئىشى — مائارىپ دېمەكتۇر. «پېداگوگىكا — مائارىپ ھادىسىلىرى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن»②. مائارىپنىڭ ماھىيىتى، مەقسىتى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش يوللىرى پېداگوگىكا ئىلمى تەتقىق قىلىدىغان مەزمۇنلاردۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» نى پېداگوگىكا ئىلمى نۇقتىسىدىن بويىچە تەھلىل قىلغاندا، داستاندىكى بىر قىسىم
① «پېداگوگىكا» ئۇيغۇرچە نەشرى، 1 - بەت. ② «قىسقىچە ئىجتىمائىي پەن لۇغىتى» خەنزۇچە نەشرى، 1982 - يىل، 912 - بەت.
مەزمۇنلار، شائىرنىڭ پېداگوگىكىلىق قاراشلىرى بولۇپ، خېلى روشەن تىلىمىلىككە ئىگە. بۇ قاراشلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغار كلاسسىك مائارىپ ئىدىيولوگىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. چۈنكى، داستاندا:
40 يەنە ئەلنى مەھكەم تۇتقۇچى كىشى، ياراملىق كىشىگە بۇيۇرسۇن ئىشى.
41 ئەقىللىق ۋە لايىق كىشىلەر كېرەك، گويا ئاي چىراغدەك ئېھسان تولغاندەك.
152 بىلىمنى بۈيۈك بىل، ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككى يۈكسەلتۈر قولىنمۇ تولۇغ.
دېگەن ئاساسىي ئىدىيە يېتەكچىلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە يورۇتۇلىدۇ. مۇئەللىپنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن مائارىپ ئىدىيىسى «بىلىم — بەخت كەلتۈرگۈچىدۇر، دۆلەت ۋە خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، ياراملىق كىشىلەر كېرەك. دۆلەت، ھاكىمىيەت ۋە ھوقۇق مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن بىلىملىك، پەزىلەتلىك كىشىلەر قولىدا بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا دۆلەت، خەلق ۋە ئەل — يۇرت روناق تېپىپ بەختكە ئېرىشەلەيدۇ» دېگەن قاراشلىرى گەرچە ئىسلاھات خاراكتېرىدىكى ئىدىيىۋى قاراش بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت ۋە خەلقنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش، مەملىكەتنى
كۈچلەندۈرۈش، غايىۋى جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتا بەلگىلىك ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىدا مۇنداق بىر قانچە پېداگوگىكىلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: كىشىلەرنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىدا تەربىيىلەش ۋە تەربىيىلىنىش مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلەتنى تۇتۇشقا، خەلقنى باشقۇرۇشقا تېپى بار كىشىلەر تەربىيىلەش ۋە تەربىيىلىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ… بىلىم بەخت كەلتۈرىدۇ. بىلىملىك بولۇش — بەختكە ئېرىشىشنىڭ يولى. بىلىم ئەھلى ئەزىز بولىدۇ، خار بولمايدۇ. ھەممە پۇقرالارنى تەربىيىلەش لازىم، ھەممە پۇقرالار تەربىيىلىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ئىشى چىڭ تۇتۇلۇشى زۆرۈر. چۈنكى، ئادەم كىچىكىدە «ياۋا قالسا» چوڭ بولغاندا جاپا بولىدۇ. مەملىكەت ۋە خەلقنى باشقۇرۇۋاتقان خادىملار (شاھلار، ۋەزىرلەر، سەردارلار ۋە باشقا ئەمەلدارلار) مۇ ئۆزىنى داۋاملىق تەربىيىلەپ تۇرۇشى، جىسمانىي ۋە مەنىۋى سۈپىتىنى ياخشىلاپ مېڭىشى كېرەك. ھەربىر ھۈنەر - كەسىپ ئۆز يولى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى، ھەربىر ئادەم ئۆز كەسپىدە مەخسۇسلىشىشى، ئۆز كەسپىگە ماھىر بولۇشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىلىنىشى لازىم. چۈنكى، كەسپتە ماھىر بولمىغان ھۈنەرۋەن
ياراملىق ماتېرىيال ئىشلىيەلمەيدۇ. ياخشى ئىشلەنمىگەن ماتېرىيال باشقىلارغا يارىمايدۇ.
ھەممە ئادەم دانالار (بىلىملىكلەر) سۆزىنى ئاڭلىشى، دانالار سۆزى بويىچە ئىشلىشى زۆرۈر.
پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىلىمنى بۈيۈك بىلىپ، ئوقۇشنى (مائارىپنى) ئۆلۈگلاش كېرەك. بىلىملىكلەر قەدىرلىنىشى، نادانلارغا يول قويۇلماسلىقى لازىم.
ئەقىل - ئىدراك تېپىشى بولىدۇ، ئەمما بىلىم بولمىسا قۇدرەت تاپقىلى بولمايدۇ… قاتارلىقلار.
ئۇلۇغ پېداگوگنىڭ يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئىلغار چۈشەنچىلىرى «پەزىلەت، بىلىم، خورلۇق ياكى ساغلاملىق» دېگەن ئوقۇملار ئارقىلىق كۆپ بابلارغا دېگۈدەك سىڭدۈرۈلگەن. داستاندا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ياراملىق كىشىلەرنى تاللاش، ئەدەب - ئەخلاقلىق بولۇش، بىلىملىك - ئەقىللىق بولۇش، ياخشى خۇلقلۇق، ساغلام بەدەن بولۇپ، ھەممە ئادەم كېڭىشىش ۋە كېڭەشتە مەسلىھەتلىشىش قاتارلىق پېداگوگىكىلىق قاراشلار ئادەم تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەملىكەت ۋە خەلقنى ئىدارە قىلىشتا ئىككى خىل كۈچكە تايىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:
2711 ئەل - يۇرتنى تۇتماقلىق قىلىچلا بولۇر، بۇ ئەلدە ھۆكۈملەر قەلەملە يۈرۈر.
دەيدۇ.
ئۇ كۆرسەتكەن ئىككى كۈچنىڭ بىرى قىلىچ، يە
لى تەلىم؛ يەنە بىرى قەلەم. بۇ ھەربىي خادىملار بىلەن مەمۇرىي خادىملار مەملىكەت ۋە خەلقنى ئىدارە قىلىشتىكى رەھبىرىي كۈچ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: مەيلى قىلىچ تۇتقانلار (ھەربىي خادىملار) بولسۇن، مەيلى قەلەم تۇتقانلار (مەمۇرىي خادىملار) بولسۇن مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن، پەزىلەتلىك، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى شەرت دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەقىل - بىلىمنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىلىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان؛ پەزىلەتلىك، ئەقىللىق - قابىلىيەتلىك بولۇشنى ياخشى تەربىيىلەنگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ۋە بەلگىسى دەپ بىلگەن.
ئۇ داستاندا:
5253 بىلىم بىرلە ئىشلە پۈتۈن تۈرلۈك ئىش، پۈتۈنلەي ئىشىمدىن كېلۇر كۆركلۈك ئىش.
327 ئەقىل كۆپ كېرەكتۇر، تاللاشقا كىشى، بىلىم بەك كېرەكتۇر، قىلىشتا ئىشى.
دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك روناق تېپىشىنى تەلىم - تەربىيىگە باغلىنىشلىق دەپ تونۇپ، داستاندا مەزمۇنى ئىلغار، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى خېلى كۈچلۈك بولغان پېداگوگىكىلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك»
نى ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپ ئەندىشەسىنىڭ تىللار نامايەندىسى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
2
مائارىپ ئادەملەرنى، يەنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى بولغان سۈپەتلىك ئېنېرگىيەنى تەييارلايدىغان مەنىۋى ئېنېرگىيە بازىسى. شۇڭا مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشكە، ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك دائىملىق ئىشلار قاتارىدا چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا دۆلەت ۋە خەلققە ئېھتىياجلىق لاياقەتلىك خادىملارنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇندىن 900 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەھمىيەتلىنى، ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئېرسىيەتلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى خىزمىتىنى ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن خېلى چوڭقۇر ھېس قىلالمىغان، ئۇ، مۇنداق كۆرسىتىدۇ:
1218 ئاتا ئەمگىكى سەنسە ئوغۇلغا كۆپ، بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇيى - پەيلى خۇپ.
1493 ئوغۇلنى كىچىكتە ئوقۇتماق زۆرۈر، كىچىكلىكتە بىلىم تۇتۇقلۇق بولۇر.
پېداگوگلار ۋە پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئەسلىمە
ئادەم بالىسىنىڭ بۇ پىرىنسىپى بېجىرىپ تۇغۇلىدىكەن. لېكىن، تەلىم - تەربىيىنىڭ (بۇ جىسمانىي تەربىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تولۇق، دۇرۇس ۋە دائىملىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن خېلى كۆپ بالىلار چوك بولۇش جەريانىدا ھەر خىل جىسمانىي ۋە روھىي ئىللەتلەرگە دۇچار بولىدىكەن. دۆتلۈك، ھۇرۇنلۇق، نادانلىق، جىنايەت ۋەھاكازالار مائارىپنىڭ چەك تۇتۇلماسلىقى، توغرا تەربىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىنسان ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان ئەڭ زور ئىللەتلەردۇر. بەزى مىللەتلەرنىڭ قاششاقلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ دەل ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ۋە مائارىپ ئۇسۇلىدا. ئەگەر مائارىپ چەك تۇتۇلۇپ، ئادەملەر كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسا، مۇقەررەركى، ئۇلار ئىرسىيەت، پىسخىكىلىق تەرەققىياتتا ئۇيغۇنلۇق يول باسالايدۇ، جىسمانىي ۋە روھىي ئىللەتلەردىن خېلى زور دەرىجىدە ساقلىنالايدۇ، ئەقىل - پاراسىتى ئېشىپ، ئىقتىدارى كۆچۈپ، كەلگۈسىدە يېڭى ئىقتىدارلارنى مەيدانغا كەلتۈرەلەيدۇ. مۇبادا، بىر بالا كىچىكىدە ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، ئۆسۈش جەريانىدا ئۈنۈملۈك تەربىيىگە ئېرىشەلمىسە، مۇقەررەركى ئۇ دۆتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىرقى دۇنيادا بەزى مىللەتلەرنىڭ نەسىل ۋە پىسخىكىلىق سۈپەت جەھەتتە مۇسەلسەل ياخشىلانغانلىقى ئۇلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپىنىڭ نەتىجىسى. دېمەك، ئادەم ئۆزىنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن ياخشى - يامان سۈپەت
لىك بولۇشى مائارىپقا باغلىق. شۇڭا ئۇلۇغ پېداگوگ ئۆز داستانىدا ئادەملەرنىڭ كىچىك ۋاقىتتىكى تەر- بىيىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن:
1822 يەنە بىر شەرت: بىلىم ئالسا تۇغۇل، كىچىك چاغدا قويغاي بىلىمگە كۆڭۈل.
1495 كىچىك چاغدا بىلىش بالا نېمىنى، قېرىپ ئۆلمىگۈنچە ئۇنتۇماس ئۇنى.
مۇئەللىپ داستاندىكى خېلى كۆپ بېيىتلاردا «ئۇ- قۇملۇق» ۋە «ئۇقۇتماق» نى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىپ ئادالەت، دۆلەت، ئەقىل ۋە قانائەت چۈشەنچىلىرىنى، شۇنداقلا ئادەملەرنىڭ بۇ تۆت جەھەتتىكى سۈپەتلىرىنى تەلىم - تەربىيىگە (مائارىپقا) باغلاپ ئىزاھلايدۇ. شۇڭا داستاندا پېرسوناژلارنىڭ سۆھبەتلىرى، بولۇپمۇ ئايتول- دى ۋە ئۆتگۈرمىش ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلىرى، شۇنداقلا مۇئەللىپنىڭ دىداكتىك بايانلىرىمۇ دەل ئۇقۇماق (بىلىم ئالماق)، بىلىم بىلەن دۆلەت ۋە ئەلىنى باشقۇرماق، بىلىم بىلەن ئادالەتكە ئېرىشمەك، بىلىم بىلەن سائادەتلىك - دۆلەتلىك بولماق، بىلىم بىلەن قانائەت ھاسىل قىلماق- تىن ئىبارەت يادرولۇق مەسىلىگە مەركەزلىشىدۇ…
3
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىرىنچىدىن، ئارىستوتېلنىڭ
پېداگوگىكا قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلسا، ئىككىنچىدىن، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇيغۇر پېداگوگلىرىنىڭ، بولۇپمۇ فارابىنىڭ ئىلغار پېداگوگىكا قاراشلىرىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۆزى چوڭقۇر ئىزلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، بىر مۇنچە ئىلغار پېداگوگىكىلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» تە غايىۋى گۈللەنگەن دۆلەتنىڭ ۋە ئۆز-ئۆزىنى پادىشاھلار، ۋەزىرلەر بىلەن مەدەنىي پۇقرالارنىڭ بەدىنى توبرىسىنى يارىتىپ، بۇ توبرالارنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر، باي تەسەۋۋۇرلار بىلەن جانلاندۇرۇپ بېرىدۇ. بىز داستاننى ئوقۇغىنىمىزدا، مۇئەللىپنىڭ غايىسىدىكى گۈزەل جەمئىيەتنى، بۇ جەمئىيەتتىكى پەزىلەتلىك، بىلىملىك، ساغلام ئەقىلدار ۋە پۇقرالارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. مۇئەللىپ: «مانا شۇنداق گۈللەنگەن، ئادالەت، دۆلەت، ئەقىل، قانائەت روناق تاپقان جەمئىيەت ئوقۇش (مائارىپ) بىلەن قۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىلىملىك، پەزىلەتلىك پۇقرالىرى ئوقۇش (مائارىپ) ئارقىلىق تەربىيەلىنىپ يېتىشتۈرۈلىدۇ» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
1824 پەزىلەت، بىلىم ھەم ياخشى خۇي پېئىل، تۈگىسە، تۈزىلەر كىشى خۇلقى، بىل.
بۇ يەردىكى پەزىلەت چۈشەنچىسى ئەخلاقىي سۈپەتنى، بىلىم چۈشەنچىسى ئەقلىي قابىلىيەتنى، خۇي-پېئىل چۈشەنچىسى جىسمانىي سۈپەتنى كۆرسىتىدۇ. شائىر ئادەم بالىسىنىڭ بۇ ئۈچ سۈپىتى پەقەت ئوقۇش (مائا221
ئارقىلىق يېت قاراپ)، يەنى تەربىيەلەش ۋە تەربىيىلىنىش ىلىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئوقۇش ھەققىدە:
1825 كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ تۈركچە ماقال، ئوقۇپ سەن، ئۆزۈڭگە بۇندىن پايدا ئال. دەپ يېزىپ، تەلىم - تەربىيىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېڭىنىڭ ئەقلىي پائالىيەت تىكى فىزىئولوگىيىلىك رولىنى ۋە خىزمىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان:
1836 ئەقىل ئورنى ئۈستۈن مېڭىدە تۇرۇر، قىممەتلىكتىن ئورنى باشتا بولۇر.
بۇ ئىككى مىسرا بېيىتتە ماتېرىيالىستىك روھ بار. مۇئەللىپ ئەقلىي قابىلىيەتنى ئىلاھىي قۇدرەتكە باغلاپ چۈشەندۈرسىمۇ، لېكىن ئايرىم مىسرالار نۇقتىسىپ ھەق قىتنى - مېڭىنىڭ ماھىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان. دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىسىدە زىددىيەتلىك تەرەپ لەر ئاز ئەمەس. يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەزىلەت (ئەخلاقىي)، بىلىم (ئەقلىي)، خۇي - پېئىل (جىسمانىي) تەربىيە قاراشلىرى نى ھەممە بابلاردا دېگۈدەك قەيت قىلىپ بۇ ئۈچ خىل تەربىيىنىڭ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك،
مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك پېداگوگى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنيا مائارىپ تارىخىدا ئارىستوتېل، فارابىلاردىن كېيىن پۇقرالارنى ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي تەربىيىگە ئىگە قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ سىمۋوللۇق كۈچلۈك بولغان كونكرېت، جانلىق، غايىۋى ئوبرازلاردا يورۇتۇپ بەرگەن كىشىدۇر. ئۇ، ئۆز غايىسىدىكى دۆلەت ئۈچۈن كېرەكلىك خادىملارنى تەييارلاشتا يۇقىرىقى ئۈچ جەھەتتىكى تەربىيىنى چىڭ تۇتۇشنى ئالاھىدە جېكىلىگەن. شۇڭا ئۇ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۈيۈك تارىخىي شەخس، ئاتاقلىق قوماندان ئالپ ئەرتۇڭانى پەزىلەت، بىلىم، خۇي - پېئىل جەھەتتە تەڭ يېتىلگەن قابىلىيەتلىك، نامۇسلىق سەردار دەپ مەدھىيىلەش بىلەن بىللە:
278 ئىلىمدە بۈيۈك، كۆپ پەزىللىك دىلى، بىلىملىك، ئەقىللىق، خەلقنىڭ خىلى.
دەپ تەرىپلەپ شاھلارنى، سەردارلارنى، ئەمەلدارلارنى ۋە خەلق ئاممىسىنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈچ خىل تەربىيە مەزمۇنلىرىنى كۆپ بابلارغا سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى ئورگانىك ھالدا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىش لازىمكى، بۇ تەربىيە دائىرىسى، مەزمۇنى ۋە تەربىيە ئوبيېكتى جەھەتتە ئارىستوتېلغا قارىغاندا بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن. ئارىستوتېل پۇقرالارنى ئۈچ خىل تەربىيىگە ئىگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، يۈسۈپ خاس
ھاجىپ ئارىستوتېلنىڭ بۇ خىل تەدبىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە پادىشاھ ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭمۇ تەربىيىلىنىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە تەربىيە ئوبيېكتىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرغان. شۇنداقلا ئۇ، تەلىم - تەربىيىدە بالىلار ۋە ياشلارنى تەربىيىلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۈچ خىل تەربىيىنىڭ بىرى بولغان پەزىلەت (ئەخلاقىي) تەربىيە مەزمۇنلىرى داستاننىڭ كۆپ بابلىرىدا ئۇچرايدۇ. مۆھۈلۈپ پەزىلەتنى ئادەمنىڭ ئالتۇن تاجىسى، ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان. شۇڭا داستاندا پەزىلەتنىڭ خىسلىتى توغرىسىدا خېلى كۆپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.
مەلۇمكى، ئادەملەرنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلەش ۋە ئادەملەردە ساغلام، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش — مائارىپنىڭ مەقسىتى ۋە زېمىنى. ئادەم بالىسى، بولۇپمۇ ئەل - يۇرتنى باشقۇرغۇچىلار ئەل ئىچىدە ئەخلاقىي جەھەتتە تۆۋەن كۆرسىتىلسە، ئاندىن ئۇنىڭ خىزمىتى نەتىجە قازىنىدۇ. ئەخلاقىي جەھەتتە چىرىكلىشىش جەمئىيەتتىكى يامان ئاقىۋەتنىڭ مەنبەسى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز زامانىسىدا بۇ مۇھىم مەسىلىنى ھېس قىلالىغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ مائارىپ تەربىيىسىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى قىلالىغان.
1824 پەزىلەت، بىلىم ھەم ياخشى خۇي - پېئىل، تۈگىسە، تۈزىلەر كىشى خۇلقى، بىل.
شائىر بىلىم بېرىشتىن ئىبارەت ئەقلىي تەربىيە مەسىلىسىنى بەك كۆپ تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئەقلىيلىق (بىلىملىك) بولۇشنى بىر پۈتۈن تەربىيەنىڭ جېنى، ئەمەلىيلىك، خۇش پېئىل بولۇشنىڭ ئاساسى، ئەل - يۇرتنى ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى دەپ قارايدۇ.
جاھان تۇتماق ئۈچۈن ئەركە ئەقىل كېرەك، ئەل - يۇرتنى سوراشقا بىلىم ئەڭ كېرەك.
ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن مەدھىيەلىشىمۇ دەل ئەقلىي تەربىيە كۆز قارىشىنى يورۇتۇش ئۈچۈندۇر. مەلۇمكى، «ھەرىكەتلىك - ھاياتلىقتۇر». بۇ يەردىكى «ھەرىكەتلىك نۇقتىسى» جىسمانىي تەربىيەگە قارىتىلىدۇ. ئادەمنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ياخشى بولمىسا، ئۇنىڭ قالغان ئىككى جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىمۇ مۇكەممەل بولمايدۇ. جىسمانىي تەربىيە - ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ ماددىي ئاساسى. ھەقىقەتەن، بۈيۈك پېداگوگىمىزنىڭ ئىلمىي ھۆكمىدەك، دۆلەت خادىملىرى ئۈچۈن بىرىنچى شەرت - ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ساغلام، روھىي جەھەتتە تېتىك بولۇشتۇر. شۇ شەرتنى ھازىرلىغاندا، ئۇ بىلىمنى ئىگىلەپ، ماھارەتنى ئاشۇرۇپ خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەپ كېتەلەيدۇ. ھوقۇقنى مەھكەم تۇتالايدۇ، خەزىنىنى (ئىقتىسادنى) ئوبدان باشقۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا
كاپالەتلىك قىلالايدۇ. شۇڭا مؤئەللىپ ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئاشۇ چاغدا خىزمەت ياراملىق بولۇر، ئۇنىڭغا ئېتىكلىك ئىشىك ئېچىلۇر.
شائىر ساغلام بەدەن، قابىل، كۈرەشچەن كىشىلەرنى خەلقنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۈمىدى دەپ بىلگەن.
ئۇ، ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئوۋ قىلىشقا، ئات مىنىشكە، قىلىچۋازلىق قىلىشقا، تاغلارنى ئارىلاپ، تاغلارغا چىقىشقا دەۋەت قىلغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم (ئەقلىي)، پەزىلەت (ئەخلاقىي) ۋە خۇي - پېئىل (جىسمانىي) تەربىيىلىرى ھەر قاچان بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق، دەپ قارايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەزىلەت، بىلىم، خۇي - پېئىل توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى يالغۇز تارىخ نۇقتىسىدىنلا ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىمىزدىمۇ بەلگىلىك نىجاتبېرىش ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، تارىخ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تەرەققىيات پاراۋۇزى. بۇ پاراۋۇز ئېنېرگىيەگە موھتاج. بۇ ئېنېرگىيە دەل ئادەمدىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. مائارىپ — تارىخ پاراۋۇزىنى ماڭدۇرىدىغان ئېنېرگىيە، ئادەمنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بازار. ئادەمدىن ئىبارەت ئېنېرگىيە —
ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتە يۇقىرى سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەندە، ئاندىن تارىخ پالاۋۇزى بىمالال ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. شۇڭا ماھارەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەملەرگە قارىتا، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشلارغا قارىتا تەربىيەنى كۈچەيتىش زۆرۈر. «ئوقۇشنى ئۆگىنىش»، «بىلىملىكلەر باشقۇرۇش»، «دانالار سۆزى بويىچە ئىشلەش»، «پەزىلەتلىك، بىلىملىك، خۇش پېئىللىق كىشىلەرنى خىزمەتكە قويۇش» ھېلىمۇ تارىخىي تەتقىقاتنىڭ جىددىي تەلىپى، كەلگۈسىنىڭ تەقەززاسى.
4
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا «ئائىلە تەربىيەسى»، «جەمئىيەت تەربىيەسى» ۋە «مەكتەپ تەربىيەسى» دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمىگەن. لېكىن شۇ ئۈچ خىل تەربىيە كاتېگورىيەسىگە تەۋەلىك بىر قاتار چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى خېلىلا روشەن يورۇتۇپ بەرگەن. شۇنداقلا بۇ ئۈچ خىل تەربىيە كاتېگورىيەسىنى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا بايان قىلغان.
بىرىنچى. ئائىلىدىن ئىبارەت تەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى — ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى تەربىيەچى بولۇشىدا.
بالىلارنى تۇغۇداندىن ئوقۇتۇشقادەۋەت قىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
4504 تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز - ئوغۇل، > ئاتا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
1227 ئوغۇلنى قىسىپ تۇت، ئاتا بولغۇچى، ساڭا كۈلۈمسۈنەر كېيىن كەلگۈچى.
1491 ئونى قويىمىغىن بوش، قاتتىق تۇت سىقىپ، تۇتۇلسا ئوغۇل چىڭ تاپار قۇت بېرىپ.
1219 ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا، ياخشى ئېرۇر، ئاتاسى - ئاناسى بەختلىك بولۇر.
1226 قىسىپ تۇتسا ئوغلىن ئاتا ئۆگىتىپ، ئوغۇل - قىز سۆيۈنەر چوقايسا تولۇپ.
1220 ئەگەر چىڭ تۇتۇلماس ئىكەن ئۇ ئوغۇل، بولۇر زايه، ئاندىن سەن ئۈزگىن كۆڭۈل.
1225 ئوغۇل - قىز خۇيى - پەيلى بولسا يامان، يامان قىلغان ئاتا بولارنى ھامان.
بۇ يەردە، ئادەم بالىسىنىڭ پەزىلەتلىك، خۇش پېئىل بولۇپ يېتىلىشىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ۋە ئاتا - ئانا پەزىلىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ھازىرقى زامان پېداگوگىكا ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئائىلە تەربىيىسى، ئادەم خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرىدىغان، خاراكتېرنىڭ پۈتۈن تەرەققىياتىغا ئاساس يارىتىدىغان ! - قەدەملىك تەربىيە باسقۇچى
دۇر. بۇ باسقۇچ ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنتلەرگە قارىتا ياخشى - يامان تەسىرى، ئادەمىلەرنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ، جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ئادەملەرگە قارىتا چوڭقۇر تەسىرىنى تەكىتلەپ جەمئىيەتتە تەسىرى بار كىشىلەرنىڭ - شاھلارنىڭ ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ئەدەبلىك، قائىدىلىك بولۇشىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە كىشىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە سەمىمىي، ئادىل بولۇشى، سۆزدە مۇلايىم بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
816 بۇ قاشىم تۆرۈكى، بۇ كۆركۈزلۈكۈم، زۇلۇم قىلغۇچىغا بۇ يۈزسىزلىكىم.
817 كېرەك ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم، يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىرەر قونۇقۇم.
818 ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا.
مەلۇمكى، ئىلمىي تەربىيە ۋە پەننى سۆيۈش تەرەپىدىن مەدەنىيەتلىك، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق تەربىيە مەزمۇنى. م. گوركىي: «مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيىلەشكە نىسبەتەن ئەڭ ياردىمى بولىدىغان ئىككى خىل كۈچ بار. ئۇ بول
سەنئەت ۋە پەن» دەپ توغرا ئېيتقانىدى. ئادەملەرنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىپ تەسىرلىنىشى، كۈچلۈك مەنىۋى كۈچكە ئايلىنىدۇ. پىلاتون مۇزىكا تەربىيىسى (سەنئەت تەربىيىسى دېمەكچى) نىڭ تەسىرى ۋە رولىنى ئىزاھلىغاندا، مۇزىكا ۋە رىتىمنىڭ ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇزىكا (سەنئەت) تەربىيىسى جەھەتتە پىلاتوننىڭكىدىن ئېنىقراق ۋە ئىلمىيرەك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئېستېتىك تەربىيىسىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن.
ئارىستوتېل ئىلىم-پەننى ئۈچ خىلغا ئايرىغان ئىدى. بىرى، نەزەرىيە خاراكتېردىكى پەن؛ يەنە بىرى، تەجرىبە خاراكتېردىكى پەن؛ ئۈچىنچىسى بىرى، ئىجادىيەت خاراكتېردىكى پەن. ئارىستوتېل تەربىيىلەنگۈچىلەرگە مۇشۇ پەنلەر بىلىملىرىنى ئۆگىتىش ۋە سىڭدۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
كىلاسسىك پېداگوگلارنىڭ قارىشىچە، پەننىي بىلىم تەربىيىسى مائارىپنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى، ئادەملەرنى ئەقلىي جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسى. ئارىستوتېل پېداگوگىك قارىشىدىكى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيىلەش — دەل پەننىي بىلىم تەربىيىسىگە قارىتىلغان.
بىلىم، ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش ۋە بىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ نەتىجىسى. تەجرىبە — بىلىشنىڭ ئىبتىدائىي ھالىتى. پەقەت سىستېمىلاشقان ئىلمىي نەزەرىيەلەرلا ھەقىقىي
قەدىمىي بىلىم بولۇپ، ئۇ مۇكەممەل بىلىش شەكىلدۇر. بىلىم تەبىئىي پەن بىلىملىرى، ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىلىم ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى، دۇنيانى ئۆزگەرتىش يولىدىكى قۇدرەتلىك قورالى.
ئادەملەرنى ئەقىل-ئىدراك جەھەتتىن تەربىيىلەش — دەل ئادەملەرنى شۇ قۇدرەتلىك قورالغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا پېداگوگلار ۋە ئالىملار بىلىمنىڭ ئۇلۇغ كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقان. 16-ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگلىيە ئالىمى بېكون «بىلىم — كۈچ» دېگەن ئۇلۇغ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن بېكوندىن 500 نەچچە يىل بۇرۇنلا «بىلىم — بەخت كەلتۈرگۈچىدۇر» دېگەن شانلىق ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى بىزنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىمىز ۋە پېداگوگىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ. ئۇ، بىلىم ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئالىي سۈپەت، بىلىملىك ئادەم يېڭىلمەس، جاھانغا بىلىملىكلەر ھۆكۈمران بولۇشى لازىم، دەپ قارايدۇ. مۇتەپەككۇر ئۇلۇغ ھۆكۈمران ئالىپ ئەرتۇڭانى تەربىيىلىگەن چاغدا مۇنداق دەيدۇ:
279 ئەمدى ئۇ سەرە-خىل، زېرەك ئەر تۇغلان، دۇنياغا زېرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران.
شائىر، ھۆكۈمەت خىزمەتكارلىرىنى پەلسەپە، سىياسەت، ئىقتىساد ئىلمى، قانۇنشۇناسلىق ئىلمىنى ئۆگىنىپ
231
قالماستىن، يەنە ھېساب، گېئومېترىيە، ئالگېبرا، مۇنەججىملىك (ئاسترونومىيە) ئىلمىنى ئۆگىنىشكە چاقىرغان. 2632-، 2633-، 2634-، 2635- بېيىتلاردا ھېساب، مۇنەججىملىك ئىلمىنى ئۆگىنىش؛ 2799- بېيىتتىن 2803- بېيىتكىچە سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگىنىش تەكىتلەنگەن. دېمەك «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلمنىڭ خىلى كۆپ خىللىرى سۆزلەنگەن.
پەننىي بىلىم تەربىيىسى ئادەملەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىرقى زامان مائارىپ پىرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بالىلار يەسلىدىنلا باشلاپ پەننىي تەربىيىگە ئىگە بولۇشقا باشلايدۇ، بولۇپمۇ ئادەملەرگە بالىلىق دەۋرىدە ئۆگىتىلىدىغان تىل ۋە ھېساب دەرسلىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئەزەلدىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا تىل دەرىسى بىلەن ھېساب دەرىسى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا تىل ۋە ھېساب ئۆگىنىشنى جىددىي تەكىتلىگەن. مەلۇمكى، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بالىلارنىڭ تىل (سۆزلەش)، تەپەككۇر قابىلىيىتى بىلەن ھېسابلاش (سانلىق) قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئادەمدە بۇ ئىككى ئاساسلىق قابىلىيەت يېتىلمىگىنىدە، ئاندىن باشقا ئىلىملارنى ئۆگىنىش تېزلىشىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە مەسىلىنى بۇنداق ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويالمىغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭغا بەك يېقىن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ 55- بابتا، 2781-، 2782-، 2783- بېيىتلاردا ھېساب ئۆگىنىش ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
4377 يىل، ئاي، كۈن ھېسابى بۇلاردىن بولۇر، كېرەكلىك ئېھتىياج بۇ ھېساب، ئەي جەسۇر.
4379 تولۇق بىل كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە كەسر، كامالغا يېتىشتە ئىمتىھاندۇر بىر.
2782 ئىگىلەپ تۆت ئەمەلنى چىڭ، غەزىندار، ھېسابتا كۆڭۈلنى تۇتسۇن بەك قارار.
4383 بۇ دۇنيا، ئاخىرەت ئىشىنى ئىشەن، قىلۇر بۇنى تالىم ھېسابلاش بىلەن.
4384 بۇزۇلسا ھېساب گەر، ئەي ياخشى كىشى، بۇزۇلغاي ھەر ئىككى دۇنيانىڭ ئىشى.
تىل، ئىنسانلارنىڭ بىر خىل ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ئالاقىلىشىش قورالى. شۇڭا ئادەملەرنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش — ئەقلىي تەربىيەنىڭ بىر مەزمۇنى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ پېداگوگىكلىق ئەسەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش، بولۇپمۇ ئانا تىلنى ئۆگىنىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئانا تىل كىتابلارمۇ، مەكتەپلەرمۇ يوق ۋاقىتتا ئوقۇتقان… ھەر بىر يېڭى ئەۋلاد ئانا تىلنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن مىڭلىغان ئەۋلادلارنىڭ پىكرى ۋە ھېسلىرىنىڭ يېشىملىرىنى ھېچبىر قينالماي
تۇگايلار تۈزەشتۈرۈۋالالايدۇ.»، «… تىل بالىنىڭ روھىدا ئادەمدە سۆزنى ھاسىل قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ھايۋانلاردىن پەرق قىلىدىغان قابىلىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، روھنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ» ①. ئۇشېنسكىنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەن سۆز — ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ مەنتىقلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېمەكتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىل ئۆگىنىش ھەققىدە مۇنداق ناھايىتى ئىلمىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، ئۇ تىلنىڭ سۈپىتى ۋە تىل ئۆگىنىش ھەققىدە يازغان كۆپ بېيىتلىرىدە خېلى ئىلغار ئىلمىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ لاياقەتلىك ئادەملەرنى تاللاشتا تىل قابىلىيىتىگە قاراش لازىملىقى، تىلنى توغرا، رەتلىك، مەنىلىك، گۈزەل سۆزلەش لازىملىقى توغرىسىدىكى ھېكمەتلىك بېيىتلىرىنىڭ چوڭقۇر پېداگوگىكىلىق مەزمۇنى بار، ئەلۋەتتە.
5
داستاننىڭ ئىلغار پېداگوگىكىلىق قاراشلىرى — قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەرەققىي قىلغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىپادىسى. بولۇپمۇ، ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنىڭ مائارىپقا نىسبەتەن تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى.
① د. ئۇشېنسكى: «تاللانغان پېداگوگىكىلىق ئەسەرلەر» 2- توم، تاشكەنت نەشرى.
شۇنداقلا ئۇنى ئۆزى تارىخىي شارائىتتىكى بەزى ئاكتىپ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى ۋە ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. شۇڭا بىز «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىپادىلەنگەن پېداگوگىكىلىق چۈشەنچىلەرگە ئاساسلىنىپ: (1) ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مائارىپى خېلىلا تەرەققىي قىلىپ ئومۇمىلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى؛ (2) مەكتەپ مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنىڭ ئۆز زامانىسىغا يارىشا تەرەققىي قىلغانلىقىنى؛ (3) بۇ مەزگىلدە قاراخانىلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىدا ۋە پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە قويۇلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن، جەمئىيەتتە ۋە مەكتەپلەردە خېلى كۆپلىگەن ئىلىم دەرسلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى؛ (4) بۇ دەۋردىلا ئىمتىھان تۈزۈمى بارلىقىنى ۋە بۇ تۈزۈمنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى؛ (5) يۇقىرىدىكىدەك بولغانلىقى ئۈچۈن، قاراخانىلار مەملىكىتىدە ئىلىمنىڭ خېلى كۆپ ساھەلىرى بويىچە ئىقتىدارلىق كەسپىي خادىملارنىڭ كۆپەيگەنلىكى ۋە باشقا تەرەپلەرنى ھېس قىلالايمىز.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز زامانىسىغا يارىشا ئىلغار پېداگوگىكىلىق قاراشلىرى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن كومىراجىۋا، ئالىم يورتىدىن، پىرخوۋىلان، فارابى قاتارلىق پېداگوگلار
داۋام ئەتتۈرگەن دېموكراتىك خاھىشتىكى ئىلغار قاراشلارنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى؛ ئىككىنچىدىن، يۇنان، ئەرەب، پارس، ھىندى ئەللىرىنىڭ ئىلغار مائارىپ تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا تەتبىقلىنىشى ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلىشى؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسلام پېداگوگىكىلىق قاراشلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە يېڭىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. سۇبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، داستاندىكى ئىلغار مائارىپ تەدبىرى، بىرىنچىدىن، مۇئەللىپنىڭ ئەسلىدە ئىلغار پىكىرلىك مۇئەللىم (ئۇستاز) بولغانلىقىنىڭ؛ ئىككىنچىدىن، مۇئەللىپنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئەللەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى، مائارىپ قاراشلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلغانلىقىنىڭ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا كۈچلۈك تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ داستان، ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا يول باشلىغۇچى ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا ئاتقان تولۇق دەستۇردۇر. ئۇ كىلاسسىك مائارىپىمىزنىڭ مول مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە، ئىلغار پېداگوگىكىلىق قاراشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ پېداگوگىكىلىق قاراشلىرىنى ئىلغار دېيىشىمىز ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان. ماركسىزملىق پېداگوگىكا تەلىماتى بويىچە ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مائارىپ تەدبىرىنى پۈتۈنلەي مۇكەممەللەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى: (1) يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىلغار پېداگوگىكىلىق قاراشلار فېئوداللىق
دال ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خەلق رايىغا باققۇچى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئىسلاھاتچىلىق قارىشىدىن ئىبارەت، ئومۇمىي خاھىش جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قاراشلار قاراخانىلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. (2) «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يادىكارلىقى، بۇ ئەسەر ئىسلام ئەقىدىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان تارىخىي شارائىتتا يېزىلغاچقا، ئاپتورنىڭ قاراشلىرىغا ئىسلام ئەقىدىلىرى خېلى چوڭقۇر سىڭگەن، شۇڭا مۇئەللىپ ئادەملەرنىڭ پەزىلەتلىك، بىلىملىك ۋە ياخشى خۇي-پېئىللىق بولۇشىنى تەقدىرگە باغلاپ قويىدۇ، بۇ سۈپەتلىرىنى ئاللاھ ھەدىيە قىلغان دەپ ئېيتىدۇ. (3) مۇئەللىپنىڭ بەزى قاراشلىرىدا تۇغما قابىلىيەت تەشەببۇس قىلىنغان. (4) داستاندا تەربىيە ئۇسۇلى ۋە شەكىل جەھەتتە بەزى قوپال نەرسىلەر، مەسىلەن، تىللاش، ئۇرۇشلار تەشەببۇس قىلىنغان. لېكىن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئىللەتلەر داستاننىڭ ئومۇمىي ئېستېتىك قىممىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانى ۋە تۆتىنچى شەخس — ئودغۇرمىش ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر
ئابلىمىت روزى
«قۇتادغۇبىلىك» 11 - ئەسىر ئىسلام شارائىتىدا قاراخانلار جەمئىيىتى ۋە دۆلەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي ھادىسىلىرىنى نۇقتىلىق گۇرۇپپىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن بىر قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەر. ئۆتكەندە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈپ غايە — ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇسى بولغان «بەخت - سائادەت» نۇقتىسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى؛ ئۇنىڭ مەزمۇنى، خۇسۇسىيىتى، خاراكتېرى، مەۋجۇت بەخت - سائادەتنى قانداق ساقلاپ قېلىش، مۇستەھكەملەش ياكى غايىۋى بەخت - سائادەتنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەقسەتنى (يۈسۈپ خاس ھاجىپ چۈشەندۈرۈشتە) ئۈچ ئاساسىي مۇقىم، قوزغالماس توغراق تۈۋرۈككە ئورنىتىپ «قۇتادغۇبىلىك» غايىسىدىكى ھەيۋەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى بىنا قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ، چىرىكلىك ۋە زاۋاللىقنىڭ ئالدىنقى بېشارىتى مەلۇم بولغان مەۋجۇت قاراخانلار خاندانلىقى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ئېھتىيا
جى ئىدى. شۇ ھالەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھرىبان ئانىسى، ئۇلۇغۋار تېببىي ھازىق ① يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز يېنىدىن يېزىپ بېرىلگەن كېسەللىك كىشىنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا دورا قەغىزى — «قۇتادغۇبىلىك» ئىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق تارىخىي، پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە تەبىئەت كۆز قاراشلىرىنىڭ يەكۈنى بولغان ئىلمىي چۈشەنچە ۋە مەلۇم نەزەرىيە سىستېمىلىرىنى ئادەتتىكى ئەسەرلەردەك باشتىن ئاخىر ئەدەبىي رىتورىك (نۇتۇقچىلىق) بايانلار ئارقىلىق ئىپادىلىمىگەن بولماي، بەلكى كۆڭۈل ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتكە ئىگە ئەدەبىيات ۋاسىتىسى، يەنى «مەنتىق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان شېئىرىي تىل» ②، ئەقىل - پاراسەتتىن تۇغۇلۇپ تۇرىدىغان بەدىئىي ھېسسىيات (لىرىكا) ۋە دراماتىك پېرسوناژلار مۇنازىرىسى ئۇسۇلىدا بايان قىلىدۇ.
بەلگىلىك بىر دۇنياقاراش، بىر قاتار پەلسەپىۋى سىياسىي چۈشەنچىلەرنى ئەدەبىياتنىڭ مۇنداق ئىخچام سىيۇژىت لىنىيىسى ۋە سىمۋوللۇق «مەنۋى شەخس»لەر ئارقىلىق بايان قىلىش تاشقى كۆرۈنۈشتە دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا كەم كۆرۈلگەن ھادىسە ئىدى. گەرچە قەدىمكى زامان مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنى سوئال - جاۋاب ③ ياكى دىئالوگلار
① تېببىي ھازىق — ئوتتۇرا ئەسىر تېبابەت ئىلمىدە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە ماھىر، ھەممىنى بىلىدىغان ئۇستا تېۋىپلارغا بېرىلگەن ئۈنۋان. ② بۇ نېسىر فارابىي «شېئىر كىتابى» رىسالىسى. ③ «روھنىڭ يوقالمىغانلىقى توغرىسىدا» فەن جىن، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1984- يىلى 4- سان.
ۋاسىتىسى ئارقىلىق بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇللىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەر بىر چۈشەنچە، تۈشۈنچە، تۈركۈمدىن ئابستراكسىيىلەنگەن كۆز قاراشلار ئۈچۈن بىر شەخسنىڭ نامىنى سىمۋول قىلىپ بەلگىلەش، ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدىكى باغلىنىشلارنى زىددىيەتلىك ئاساستا ھەل قىلىشتەك مۇنداق يۇقىرى سەۋىيىلىك بەدىئىي ماھارەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنىدى.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قوليازما نۇسخىسىغا ئۆز دەۋرىدىكى نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان نەسرىي مۇقەددىمىدە: «… بۇغراخان تىلىدا تۈركىي سۆز بىلەن (ھېچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غايەت تۈزلۈكى ۋە پەۋقۇلاددە گۈزەللىكىدىن، ئۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى بىلەن ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر بىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەب بەردى» ① دېسە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يېزىلغان نەزمىي مۇقەددىمىدە:
24 مۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتتى ئەۋۋەل، كېيىن كىممۇ ئېيتار مۇنىڭدەك كى دەل؟
25 كىم ئولسا مۇنىڭدەك يازارمۇ، قېنى؟ يازۇچى بار ئولسا، مەن ماختاي ئۇنى.
① «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984- يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى 5- بەت.
دەيدۇ. بۇ سۆزلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەغرۇر، ھېسسىياتقا بېرىلگەنلىكىدىن بولماي، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرنىڭ ئىپادىسىدۇر.
شۇڭا، بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى، سىياسىي پەلسەپىۋى، ئىلمىي كۆز قاراشلارنى بېدىئىي ئەدەبىياتنىڭ مەلۇم شەكىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەش بايان قىلىشنىڭ يۈكسەك ئەۋرىشكىسى دېيىش مۇمكىن.
x x x
پەقەت ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 13 مىڭ 280 مىسرالىق شېئىرىي تىل، ۋەقەلىكلەر سىزىقى بويىلاپ قاتناشقان پېرسوناژلارنىڭ سانى توققۇز كىشى. ئۇلاردىن «كۈنتۇغدى ئېلىك» (قانون-ئادالەتكە سىمۋول قىلىنغان شەخس)، «ئايتولدى» (بەخت-سائادەت ياكى دۆلەت، ئىقبالنىڭ سىمۋولى)، «ئۆگدۈلمىش» (بىلىمنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ سىمۋولى)، «ئودغۇرمىش» (ئاقىبەت ۋە قانائەتنىڭ سىمۋولى) تىن ئىبارەت تۆت شەخس يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئىجتىمائىي كۆز قاراشلارنىڭ ئاساسىي نېگىزى. قالغان بەش نەپىرى بولسا، ئىككىنچى دەرىجىلىك يانداش كۆلەمگە ئىگە شەخسلەر بولۇپ، كۆپ ئاساسىي توقۇنۇشلار تۈركۈمى سىمۋوللىرى ۋەقەلىكنى تولۇقلىغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، پايتەخت شەھەردە مۇساپىر ئايتولدىنىڭ بىرىنچى بولۇپ تونۇشقان كىشىسى ئاق نىيەتلىك كۆسەمىش
بولۇپ، ئۇ، ئايتولدىنىڭ مەقسەتكە يېتىش يولىدا ياردەمچى، يول كۆرسەتكۈچى. ئىككىنچىسى، بىلىملىك ئايتولدىنىڭ بۇ شەھەرگە كېلىشىنى كۈتۈۋالغان، ئۇنىڭغا تۈز كۆڭۈل، ساداقەتمەن خىزمەتچى بوۋاي — ئودغۇرمىشنىڭ مۇرىتى. تۆتىنچىسى، ئىسمى نامەلۇم ئات باقار يىگىت. بەشىنچىسى، ئىسمى ئېيتىلمىغان ياش ئوغلان (خىزمەتچى).
مانا بۇلار پۈتۈن داستاننىڭ سىيۇژېت لىنىيىسىدە ئۇچراپ تۇرىدىغان ياردەمچى پېرسوناژلاردىن ئىبارەت.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئالدىنقى تۆت شەخس ئادەتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۇچرايدىغان بەدىئىي قەھرىمانلاردىن بولماستىن، بەلكى تارىخ، ھادىسە، تەپەككۇرنىڭ مەلۇم تۈركۈملەر تۈركۈمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىمۋوللار ۋە كېيىنكىلىرى ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك تەرەققىياتىنى راۋانلاشتۇرغۇچى ياردەمچى پىگۇرلاردىن ئىبارەت.
دېمەك، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۆت نەپەر سىمۋوللۇق شەخس نامى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تۆت تۈركۈملەر تۈركۈمىدىن ئابستراكسىيىلەنگەن كۆز قاراشلىرى، ئۇنىڭ تەرەققىياتى بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان، بىرىنى-بىرى تولۇقلايدىغان ۋە بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىيات ۋەكىللىك تۈزۈلۈش نۇقتىسىدىن سۆز بېشىنى قانۇن - ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولغان كۈنتۇغدى ئېلىكتىن باشلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ئالىي غايە — ئودغۇرمىش سىمۋول قىلىنغان قەناەت، ئاقىبەتتۇر.
ئولى بولغان كۈنتۇغدى ئېلىكتىن باشلانغان بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئايتولدى مەركەزلەشتۈرۈپ، «قۇتادغۇبىلىك» كىتابىنىڭ تېپىلگۈسىز دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. تۆت شەخسنىڭ ئىچىدە «ئايتولدى» پۈتۈن كىتابتىكى ئاساسىي غايە ۋە مەقسەت؛ كۈنتۇغدى ئېلىك، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىشلار بولسا سەۋەب، نەتىجە. يەنى، بىر ئۇلۇغۋار غايە ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان كۆپ قىرلىق تۈۋرۈك، ئاساسىي ھول دەپ ھېسابلانغان. شۇڭا بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئايتولدىنىڭ ئىسمىنى «تولغان ئاي» غا ئوخشىتىپ ئاتاپ، ئاينىڭ خۇسۇسىيىتى، مەزمۇنى، خاراكتېرى، تۇراقسىزلىقى، نەدە تۇرۇپ نەدە تۇرمايدىغانلىقى، قاچان يوقىلىپ، قاچان پەيدا بولىدىغانلىق شەرتلىرىنى تېخىمۇ مەنا، پەلسەپىۋى توققۇلار بىلەن شەربىلەپچىدۇر. ئۇ مۇنداق كېلىدۇ:
730 بۇ ئايتولدى ئېيتتى، مېنىڭ بۇ ئېتىم، خۇيۇم ئوخشىتىپ ئايغا قويۇمىش ھېكىم.
731 ئاي ئاۋۋال تولامۇ كىچىك تۇغۇلۇر، كۈندىن كۈن چوڭىيىپ يۇقىرى چىقىۇر.
732 تولۇن بولسا تولۇپ، جاھان يورۇتار، جاھان خەلقى تۈندىن يورۇقلۇق ئالار.
733 تولۇپ ئاي ئېگىزگە ئۆرلىگەچ، كېيىن — كېمىپ ئاستا، كۆركى كېتەر يۈزىدىن.
734 يورۇغى ئاز — ئازدىن يەنە يوقىلۇر، تۇغۇلۇپ كىچىك ئۇ، قايتىدىن تولۇر.
735 مېنىڭ بۇ ئۆزۈممۇ شۇنداق ئېرىرمەن، بەزى بار، بەزىدە يوقاپ كېتۈرمەن.
ئايتولدى ئۆزىنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقە، يەنى كىتابنىڭ 15-بابىدىكى 620-، 621-بېيىتلار مەزمۇنىچە كۈنتۇغدى ئېلىك بىلەن ئۇچراشقاندا، يېنىدىن بىر دۆگىلەك توپنى چىقىرىپ كىنايە سۈرىتىدە ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرغان (622-بېيىت) ئىدى، كۈنتۇغدى ئېلىك ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن رەنجىپ سەۋەبىنى سورىغاندا:
666 بۇ يەردى كۆرسەتمەك ئۆزۈمنى ساڭا، دېمەك مەن تۇراقسىز، ئىشەنمە ماڭا.
668 كۆرمە بۇ بوش بەختكە، قۇتلۇق كىشى، ئىشەنمە بۇ بەختكە ئاتاقلىق كىشى.
669 ئاقار سۇ، گۈزەل سۆز، بۇ بەخت توختىماي — كېزەرلەر جاھاننى يۈرۈپ تىنمىغاي.
670 ئىشەنگۈسىز، ۋاپاسىز بەخت بىقرار، يۈرەر ھەم ئۇچار تېز، ئاياغى تايار.
دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئايتولدى كۈنتۇغدى ئېلىك بىلەن سۆھبەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ يوقىرىقىدەك تۇراقسىزلىقى، مۇقىم بولالماسلىقتەك ئەيىبلىرىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى، قانداق قىلغاندا تۇراقلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ:
686 تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىب ئەمەس، تاللايمەن ئۆزۈمگە يېڭى نەرسە، بەس.
687 پۈتۈن كونا نەرسە يېقىمسىز بولۇر، يېقىمسىز يۈكى، كۆر، كۆڭۈلسىز كېلۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «بەخت - سائادەت» نۇقتىسىنى شەخسنىڭ بەخت - سائادىتى بىلەن ئومۇمىي خەلق جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ بەخت - سائادىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەنەدە ئىشلىتىدۇ ۋە ئۆزئارا بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇ، ئايتولدى ئاغزىدىن:
700 مېنى تۇتسا چىڭ گەر كىشىلەر تېپىپ، سۆزۈم شۇكى، ئۇنىڭدىن كەتمەيمەن تېپچىپ.
دېگەن شەرتنى قويىدۇ. شۇ چاغدا:
701 دېدى خان: نەدۇر سېنى باغلاش يولى، كېرەك نە كىشەن سېنى چىڭ تۇتقىلى؟
ئايتولدى بۇ سوئالغا شەخسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ شەرتى مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:
703 ئاۋازىلىق بولسۇن مېنى تاپقۇچى، كىچىك پېئىل ھەم سۆزنى يۇمشاق قىلغۇچى.
704 ئۆزىنى تۇتسا ئۇ ئاشماي ھەددىدىن، يامان - ئەسكى ئىشلارغا بارماي يېقىن.
705 يىغىلغان مېلىنى بۇزۇپ چاچمىسا، تۈزەپ خۇلقىنى ئۇ، پېيىلىن بۇزمىسا.
706 ئۆزىدىن ئۇلۇغقا خىزمەت قىلسا ئۆز، ئۆزىدىن كىچىككە چۈچۈك قىلسا سۆز.
707 كىشىنى كىبر بىرلە رەنجىتمىسە، كىچىكلەر كۈلۈپ ھەم بوزەك ئەتمىسە.
708 بېكاردىن ھاراققا بېشىنى تىقمىسا، بېكاردىن بېكارغا مېلىن چاچمىسا.
709 ئويۇنغا بەرمىسە تىلى - قولىنى، دۇرۇس قىلسا دائىم خۇيى - پەيلىنى.
710 تۇراقسىز بەختكە شۇلاردۇر كىشەن، مۇشۇ خىلدا باغلانسا، قاچماس، چۆشەن.
713 تۇتۇشنى بىلسە دۆلەت قاچماي تۇرۇر، قېچىپ كەتسە كەلمەس يېنىپ تېز كېزەك.
يۇقىرىدىكىلەر شەخسنىڭ بەختى - سائادىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر قىسىم ئەخلاق ئۆلچەملىرى، لېكىن كىتابنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە تۈرلۈك ئىلمىي ۋە مەجازىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ شەخسنىڭ بەختى - سائادىتى ھەققىدە يەنە بىر قاتار قاراشلارنىمۇ ئەتراپلىق بايان قىلىدۇ.
ئەمما جەمئىيەت ۋە ئومۇمىي خەلق، دۆلەتنىڭ بەخت سائادىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەسىلىنى غايەت زور ئىجتىمائىي تەپەككۇرنىڭ ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا ھەل قىلماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بەخت - سائادەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى ئۈچ نۇقتىدۇر: بىرىنچىسى، جەمئىيەتتە قانۇن ئادالەتلىك بولۇش (بۇ مانا دائىرىسىگە دۆلەت - ھاكىمىيەت تەشكىلاتى ساغلام، قانۇنى ئادىل، كىشىلەر باراۋەر، پەسكەشلىكتىن خالى، ئەمەلدارلار ئەخلاقى پاك، ھەربىي ئىش
لار مۇكەممەل بولۇش قاتارلىقلار كىرىدۇ). ئىككىنچى شەرتى، «بىلىم - ئەقىل (بۇ مەنا دائىرىسىگە پىسخىك جەمئىيەتنى ئىلىم بىلەن باشقۇرۇش، مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش، جەمئىيەتنى ئىلىم - مائارىپ بىلەن نۇرلاندۇرۇش كىرىدۇ)، بۇ ئىككىسى بىر - بىرىگە مۇۋازىنەتلىك بولغان «قەدىم ۋە ئەلەم» دۇر. ئۈچىنچى شەرتى، تاقەت ۋە قانائەت (بۇ مەنا دائىرىسىگە نۇرغۇن ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام پىكىر ئېقىملىرى تۇتاشقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ راتسىئونال مېغىزى ئەخلاق مەسىلىسى، يەنى شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى بىلىش، شەخسىي مەنپەئەتكە ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلمەسلىك كىرىدۇ). يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇ ئۈچ شەرت - ئامىل تولۇقلىنىپ كامالەتكە يەتكۈزۈلسە، «بېخەت - سائادەت» نى مۇقىملاشتۇرۇش مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بۇ خىل غايىۋى كۆز قاراشلىرىدا، ھەل قىلغۇچ ئامىل ماددىي ئاساسقا تايىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىغان، بەلكى مەنىۋى مەدەنىيەت، ئىسلاھات ئارقىلىق بېخەت - سائادەتنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇمكىن دەپ قارايدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ماددىي بايلىق يارىتىش - شەخس بىلەن جەمئىيەتنى بېيىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ ھەرگىز كۆزدىن چەتتە قالدۇرمايدۇ.
$$\times \quad \times \quad \times$$
ف. ئېنگېلس: «ئەڭ دەسلەپكى يۇنان پەيلاسوپلىرى
ئەينى ۋاقىتتا يەنە تەبىئىي پەن ئالىملىرى ئىدى» ① دەپ يازغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپى، شائىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە، يەنە تەبىئەت دىيالېكتىكىسى، تەبىئىي پەنلەرنىڭ ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا تارماقلىرى ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى پىششىق بىلىدىغان تەبىئىي پەن ئالىمى ئىكەنلىكىگە مەلۇم ئاساسىمىز بار. «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۆت تادۇ» (تۆت زات) كۆز قاراشلىرى يەر ۋە قۇياشنىڭ دەۋر قىلىش ھەرىكىتى، تۆت پەسىل، 12 بۇرچ، يۇلتۇزلار ھەرىكىتىنىڭ بەزى قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان خېلى ئىجابىي بولغان پىكىرلەر سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بولۇپمۇ ماتېماتىكىدا «ئۈچ نۇقتىدىن بىر ۋە بىرلا تەكشىلىك ئۆتىدۇ» دېگەن ئاكسىئوما (پەندە ھېچقانداق ئىسپات تەلەپ قىلىنمايدىغان ھەقىقەت)، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ماتېماتىكىدىكى ئۈچ نۇقتىنىڭ بىر مۇقىملىقنى ساقلىيالايدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇنىيەت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىغا، يەنى «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) كىتابىغا ئاساس بولغان، پۈتكۈل «قۇتادغۇبىلىك» ئىدىيىۋى مەزمۇنىنىڭ ئۇيغۇرلىشىش مەركىزى مانا شۇ تەبىئىي پەن — ماتېماتىكىدىكى ئۈچ نۇقتا بىر
① ف. ئېنگېلس: «تەبىئەت دىيالېكتىكىسى»، 1979 - يىل نەشرى، 316- بەت.
تەكىشلىكنىڭ مۇقىملىقنى ساقلىيالايدىغانلىق قانۇنىيەتلىكنىڭ ئىجتىمائىي پېئىلدىكى مۇھىم بىر تېمىسى «بەخت - سائادەت» نى مۇقىملاشتۇرۇش چۈشەنچىسىگە تەتبىق قىلىنىشىدۇر. شۇنداقتىمۇ، بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى مۇقىملىقنىڭ ئاكسىئومىسىنى تونۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا قوللىنىشتىن ئىبارەت تەبىئەت چۈشەنچىسىنىڭ تېپىش تۇرمۇشتىكى ئالامەتلىرىدىن گەۋدىلىك ھالدا پايدىلىنىشىدۇر. بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، تەبىئەتشۇناس ئالىم ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بۇ خىل قانۇنىيەتتىن خېلى بۇرۇنلا پايدىلانغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندە بىر نەچچە مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن:
-
ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە قەدىمكى كۆچمەنچىلىك دەۋرىدىن قالغان بىر خىل ئۈچ پۇتلۇق قازان بار. بۇ قازان ھازىرقى تىلدا «داشقان» دېيىلىدۇ. قازاق خەلقىدە بولسا، «ئوجاق» دەپ ئاتايدۇ. مۇنداق قازاننى مەيلى دالادا، مەيلى بورانلىق قىيالاردىمۇ ئىشلەتكەندە، ئوخشاشلا ئاغدۇرۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ، دالادا ئاش پۇشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەپلىك ۋە ئىشەنچلىك.
-
ئۇيغۇر خەلقىگە بەش قولدەك تونۇش بولغان ئېلى دەرياسى، تېرتىش، تارىم، توشقان، تۈمەن، قاراقاش، يۇرۇڭقاش دەريالىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا
يازغى كۆلنىڭ قىرغاقنى سۇ ئېلىپ كېتىش ھادىسىلىرى پات-پات بولۇپ تۇراتتى. ئۆلۈق سۇنى توختىتىش مۇمكىن بولمىغان چاغلاردا، توپلانغان جامائەت ئۈچ پۇتلۇق بۇقا ① ياساپ، ئۈچ پۇت ئارىلىقىغا شاخ، تاشلارنى تولدۇرۇپ، دەريانىڭ تېشىپ كېتىۋاتقان خەتەرلىك ئورنىغا ئورنىتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئۈچ پۇتلۇق بۇقا سۇ ئىچىدە مۇستەھكەم بولۇپ، كۆلنىڭ بەك باش ئېقىنىنى توختىتالايدۇ. قىرغاقتىكى يەر، ئۆي، جايلارنى ئاپەتتىن ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ.
- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، تولاراق جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانچىلىق يېزىلىرىدا «يالغۇز ئوغۇل» ناملىق بىر دېھقانچىلىق قورالى بار. بۇنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئۈچ پۇتلۇق بولۇپ، تاغارنى ئۇنىڭ ئىككى پۇتىغا ئىلغاندا ئاغزى ئېچىلىدۇ-دە، بىر پۇتى تاغارنى تەكشەپ تۇرىدۇ. ئائىلىدە باشقا ئەمگەك كۈچى بولمىغان يالغۇز كىشى، ماتېماتىكىلىق قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ ياسالغان بۇ ئۈچ پۇتلۇق قەھرىماننىڭ ياردىمى بىلەن يالغۇز تاغارنى تولدۇرۇپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. يۇقىرىدىكىلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەۋدىلەندۈرگەن تېخنىلوگىيە قانۇنىيىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاساسى.
① بۇقا — «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى «بۇقا» سۆزىگە يېقىن بولۇپ، «بۇقا — كۈچلۈك، باتۇر، ئەجەبشە مەنىدە كېلىدۇ» دەپ ئىزاھلانغان. بۇ يەردىكى ئۈچ پۇتلۇق كاجۋا — بۇقا يۇقىرىقى مەنىدە قوللىنىلغان بولسا كېرەك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇقىملىقنىڭ قانۇنىيەتلىك ئەسەرلىك ھەر خىل تېمىلىرىدىمۇ مۇۋاپىق سۈرەتتە تەتبىق قىلىدۇ. ئۇ، قانۇن — ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولغان «كۈنتۇغدى ئېلىك» نىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ يەنە شۇ ئۈچ نۇقتا بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئايتولدى بىر قېتىم كۈنتۇغدى ئېلىك بىلەن كۆرۈشكەندە:
823 يەنە ئېيتتى ئايتولدى: ئېلىك قۇتى، نەچۈن بولدى كۈنتۇغدى ئېلىك تېتى؟ دەپ سورىغاندا، كۈنتۇغدى ئېلىك مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
824 ئېلىك دېدى: ئالەم بۇ قىلىقىم كۆرۈپ، قويدى بۇ ئېتىمنى كۆڭگە ئوخشىتىپ.
825 قارا كۈن تۇتۇلماس — ھەمىشە پۈتۈن، يورۇقى بېرىدۇ كۆپ پارلاق تولۇن.
826 مېنىڭمۇ قىلىقىم تامام ئوخشىدى، ئادالەت بىلەن تولدى، كەم بولمىدى.
827 ئىككىنچى، تۇفار كۈن، يورۇر بۇ جاھان، تومۇمغا چاچار نۇر، كېمەيمەس ھامان.
828 مېنىڭمۇ ھۆكمۈم شۇ، يوقالماس تۈزۈم، پۈتۈن خەلققە بېرىدەك قىلىقىم سۆزۈم.
829 ئۈچىنچى، ئىسسىيدۇ يەر، تۇغقاندا كۈن، چېچەك ئاچىلۇر ئاندا تۈمەن مىڭ تۈسۈن.
830 قايۇ ئەلگە كىرسە، مېنىڭ قانۇنۇم، ئۇ ئەل تۈزىلەر بولسا تاش يا قۇرۇم.
832 مېنىڭمۇ قىلىقىم مۇشۇنداق بولۇش، مېنىڭدىن جەمىگە تېگەر تەڭ ئۈلۈش.
يوقىرىقى مىسرالاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇياشنىڭ خۇسۇسىيىتىگە تەبىر بېرىپ، ئۈچ خىل، يەنى پارچىلانمايدىغان بىر پۈتۈن، ئالەمگە، ئومۇمغا تەڭشى نۇر چېچىپ يورۇتىدىغان، پۈتۈن ئالەمنى ئىسسىتىپ، باھار چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇرىدىغان، دەپ تەرىپلەيدۇ.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ نازۇك تەبىئەتلىك شائىر، مۇتەپەككۇر بولۇشتىن باشقا، ھۆكۈمران تەبىقەتنىڭ ئالدىدا قورقماس جەڭچى، جاسارەتلىك قەھرىمان ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. فېئودال ئوتتۇرا ئەسىر ھۆكۈمران گۇرۇھى، پادىشاھ، خانزادە، ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر بىلەن نەتىجىلەنگەن
ئىدى. لېكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز كىتابىدىكى بىرىنچى شەخس كۈنتۇغدى ئېلىكنىڭ ئەمەلىيىتىنى سۈرەتلەشتە، ئەدەبىياتنىڭ كىنايە، ئىستىئارە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ئۈچ پۇتلۇق كۈمۈش كۇرسى» (تەختىدۇق) دا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆز تىلىدىن مۇنداق بايان قىلىدۇ:
801 مۆنۈ مەن ئولتۇرغان بۇ كۇرسىغا باق، ئەي كۆڭلۈم توقى، بار ئوندا ئۈچ ئاياق.
802 پۈتۈن ئۈچ ئاياقلىق قىشغايماس بولۇر، تۇرۇر ئۈچ پۇتى تۈز ھەم قايماس بولۇر.
803 قىشغايسا بىرى ئۈچ ئاياقنىڭ ئەگەر، قايار ئىككىسى، ئولتۇرغۇچى چۈشەر.
804 پۈتۈن ئۈچ ئاياقلىق توغرا، تۈز تۇرۇر، ئەگەر بولسا تۈت، كۆر، بىر ئەگرى بولۇر.
805 نېمىكى تۈز بولسا، پۈتۈن ئۆز بولۇر، نېمىكى تۈز بولسا، دېمەك تۈز بولۇر.
806 نېمىكى ئېگىلسە، ئۇ ئەگرى بولۇر، پۈتۈن ئەگرى، يامانلىق تۇرۇغى بولۇر.
807 قايسى تۈز تېگىلسە، تۇرماس، يىقىلار، نېمىكى تۈز بولسا، يىقىلماي تۇرار.
808 مېنىڭ ھەم قىلىقىم تېگىلمەس تېررور، تېگىلسە دۇرۇسلۇق قىيامەت بولۇر.
809 قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەم ئىشىن، ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشىن.
يۇقىرىدىكى مىسرالار پادىشاھ، ۋەزىر، ھۆكۈمران تەرەپكە بېرىلگەن تەنبىھ، ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئۈچ نۇقتىنىڭ بىر تەشكىللىكتىكى مۇقىملىقنى ساقلىيالايدىغانلىقىنىڭ ئۈچ پۇتلۇق كۆرسىتىپ كىنايە قىلىنىشىدۇر.
«بەخت - سائادەت» نى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئىككىنچى توغرىسى (داستاندىكى ئۈچىنچى شەخس) ئۆگدۈلمىش. ئۆنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ھەل قىلغۇچ ئامىل بولغان بىلىم ۋە ئەقىلدۇر. ئىنسانىيەت دۇنياسى ئىبتىدائىي دەۋرلەردىن تاكى «قۇتادغۇبىلىك» يېزىلىۋاتقان دەۋرگە قەدەر ئۆزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا دۇنيانى بىلىشنىڭ ھەممىسى سەۋىيىسىدىن دەرىجىي يوسۇندا، ئەقلىي بىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ كەلدى. ئەقلىي بىلىشنىڭ يېتىلدۈرۈلۈش جەريانى ئۆزلۈكسىز سىناق، تەجرىبە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆگىنىشتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ھەقتە ئىنتايىن كەڭ توختىلىپ، تەخمى
لهن 1 مىڭ 500 مىسرا ئەتراپىدا تېپىككۈر ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بېيىتلار مەزمۇنىدىن يىغىنچاقلىغاندا، ئىلىم - بىلىم ئۆگىنىش ئۈچ شەرتنى تەقەززا قىلىدۇ:
-
كىچىكتىن چوك، ياشتىن قېرىغىچە ھارماي - تالماي ئۆگىنىش، ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى تۇرمۇش ۋە خىيالدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىش.
-
بىلىم، ئەقىل ھەرگىز ئۆزلۈكىدىن قولغا كەلمەيدۇ، جاپا چېكىش، رىيازەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
-
مېھىرنى بېغىشلاش، ئىجتىھات قىلىش، بىلىم ئېلىشنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر، دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ. شۇڭا بەخت - سائادەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ياكى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىككىنچى ئوقۇرىقى بولغان ئۆگىنىش غايەت زور ساھەنىڭ مۇنازىرە ماۋزۇسى، ئۇلۇغۋار غايىلەرنىڭ جان تومۇرى ھېسابلانغان.
«بەخت - سائادەت» نىڭ ئۈچىنچى ئوقۇرىقى ھېسابلانغان تۆتىنچى شەخس ئۆدگۈرمىش خېلى مۇرەككەپ ماۋزۇ، ئۆزىدە ئالغا سۈرۈلگەن «قاناەت ۋە قانائەتلىرىنىڭ بىرى شەيئىلەرنىڭ تارىخى، ئىككىنچى ئەخلاقى ئۆلچەم — ئىنسىپ بولۇپ، ئاچكۆز، شەخسىيەتچىلىكنىڭ تىزگىنى.
«قۇتادغۇبىلىك» مۇنازىرە ماۋزۇسىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنى ھەر تەرەپلىمىلىك نۇرغۇن مۇناسىپ تەرەپلەر بىلەن ئاتاش مۇمكىن. بۇ ھەقتە ھەر قايسى ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي
تەھلىل، مەنتىقىگە ئۇيغۇن مۇھاكىمە بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى ۋە مەلۇم ئىزلىنىش نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. مەن كۆپچىلىككە يانداشقان ھالدا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچىلىرىمنى قويۇپ ئۆتتۈم. تۆۋەندە مۇرەككەپ ۋە مۇھىمران بولغان تۆتىنچى شەخس «ئودغۇرمىش» ھەققىدىكى بەزى مۇلاھىزەمنى قويۇپ ئۆتىمەن.
$$\times\quad\quad\times\quad\quad\times$$
تۆتىنچى شەخس «ئودغۇرمىش» ئاقانەت ۋە قانائەتتىن ئىبارەت كاتېگورىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن، مۇشۇ خىل پىكىرنىڭ ئاقانەت مەزمۇنىغا تەئەللۇق بولغان قىسمى دىئالېكتىكىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىيات، ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، شەيئىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى مۇقەررەر ھادىسە. ئادەم ئۆچۈز قېپىتقاندا مال بايلىق، دۇنيا دەپىنە، راھەت پاراغەت، بەخت سائادەتلەرمۇ مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. «ئاقانەت» بۇ بىر قانۇن ئىكەن، ئۇنىڭ ئارقىدىن بىر شەھەرلى مۇقەررەرلىكنى تونۇشتۇر. تونىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بىر شەرتى ئادەم ئۆزىنى تىزگىنلەش، «قانائەت» تىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمى ئارقىلىق شەخسىي مەنپەئەت، ئاچكۆزلۈك، دۇنياغا ھېرىسمەنلىك، پايدا مەنپەئەتنىڭ كويىغا كىرىپ بارلىق ھاۋايى ھەۋەس، بۇزۇقلۇقلارغا بېرىلىشتىن ئۆزىنى توختىتىپ، ئۆز ھاياتىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتۈشىگە قانائەت قىلىش، ئۆلۈمنى ياد ئېتىش دېگەندىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەخلاق ئۆلچىمى
ئوتتۇرا ئەسىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بولۇپمۇ مال - دۇنياغا تويماس يۇقىرى قاتلام گۇرۇھىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا خېلى ئىلغارلىققا ئىگە.
ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا تاقەت بىلەن قانائەت چۈشەنچىسى قوشكېزەك، بىر - بىرىگە مۆرىكەش دەپ تونۇلۇپ، ئەنئەنىۋى دىنلار، يەنى بۇددا، خرىستىئان دىنلىرى، كېيىنرەك ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرى دەپ قارالغانىدى. بۇ ئىككى ئەقىدە پرىنسىپلىرىنى تونۇپ يەتكەنلەر سەگەك، ئويغاق ھېسابلىنىپ؛ «تاقەت» نىڭ مۇقەررەرلىكىنى چۈشەنمەي، «قانائەت» نى يېتەكچى قىلمىغانلار «بىغەم»، «غەپلەتتىكى»، «غاپىل» لار ھېسابلىناتتى، غاپىللىق بىلەن سەگەكلىكنىڭ ئىسلامىيەتچىل مەزمۇنى ۋە ئۆزىگە خاس چۈشەندۈرۈشلىرى بار.
غاپىللىق بىلەن سەگەكلىك كېيىنكى مەزگىللەردىكى تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىدا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى.
قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىلا ئاغدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان سامانلار ① دۆلىتىنىڭ دەببۇس زاهىتلىرى ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رايونلارغا كېلىپ ئىسلام دىنى تەرغىباتى ۋە بەزى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانىدى. كېيىنرەك 10 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى قاراخانىلار خانىدانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى.
① سامانلار — 844 - يىللىرى ئىسمائىل ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەسەد، يەنى سامان ناملىق كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان سۇلالە بولۇپ، 1005 - يىللىرى قاراخانىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
يىللىرى ئىراندا تەشەببۇس قىلىنغان سوپىيىزم (زۇھد تەشەببۇسى) — يەككە بارلىق پىكىر ئېقىمى (تەرىقەت دۇنياسى) قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىلىرىگىچە يېتىپ كەلدى. بەزى تەزكىرە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 1032 - يىللىرى خوتەن رايونى تامامەن ئىسلاملاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قەشقەر، يەكەن، خوتەن رايونلىرىدا 778 - يىلى ۋاپات بولغان كۆپلۈك ئەبۇ ھاشىم، 875 - يىللىرى ۋاپات بولغان ئىرانلىق ئەبۇ يەزىد تەيفۇر ئەل بەستامى، 922 - يىلى ئىراندا ئىسلام سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىرانلىق ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاجى، 910 - يىللىرى ۋاپات بولغان ئىرانلىق جۇنەيدىل باغدادى ① قاتارلىقلارنىڭ تەرەپدار، مۇرىت - مۇخلىسلىرى يېتىپ كېلىپ كەڭ كۆلەمدە تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ ھەر خىل تۆرلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان، ھەتتا ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا فېئودال خانلىقلارنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم تەرىقەت پېشۋالىرى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغىلى تېخى ئۇزۇن بولمىغان قاراخانىلارنىڭ شەرقىي رايونلىرىغا كېلىپ خان، شاھزادە، ئەمىر، ئوردا ئەمەلدارلىرى، ياشلار، ھۈنەرۋەن كەسپلەرنى ئۆز يوللىرىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان. ھازىرقى
① جۇنەيدىل باغدادى — ھازىرغىچە يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردا «جۇنەيدىل باغدادى» دەپ ئاتىلىدىغان مازارلار بار. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەم شىنجاڭغا كەلمىگەن. «غېرىپ - سەنەم» داستانىدىمۇ جۇنەيدىل باغدادى دەرۋىشلەرنىڭ ھامىيسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
غىچە قەشقەر، خوتەندىكى بەزى مازار تەزكىرىلىرىنىڭ بىشارەت بېرىشىچە، بۇنداق تەسىرۋېرىپ دولقۇنى قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خانى سۇلتۇق بۇغرا خاننىڭ بىرىنچى ئىز باسارى بايتام بۇغراخان (مۇسا بۇغراخان) دەۋرىدە باشلانغانلىقى مەلۇم. «تەزكىرەئى سەيىد ئارسلانخان» ناملىق تەزكىرىنىڭ مەزمۇنى بۇ نۇقتىنى مەلۇم پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ (سەيىد ئارسلانخان سۇلتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى تۈركەن خاتۇن — ئەسلى ئىسمى ئەلا نۇرخاننىڭ ئوغلى ئىدى دېيىلگەن). ھازىرغىچە قەشقەردە مازىرى بار دەپ تونۇلۇۋاتقان سەيىد جالالىددىن باغدادى، شەيخ ھەبىبى ئەجەم قاتارلىق كىشىلەرمۇ تەرىقەت مۇرشىدلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرگىمۇ كەلگەنلىكى ھەققىدە بەزى رىۋايەتلەر بار. بۇ ھال جەمئىيەتتە كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئىش — ئۆيىدىن ئايرىلىپ، ئائىلە بالا-چاقىلىرىنى تاشلاپ، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ، تاغلارغا چىقىپ، يىگانە — خىلۋەتتە ئىستىقامەت يولىغا كىرىشىگە ئېلىپ كەتتى، جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، ئىلمىي — مائارىپنىڭ راۋاجى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئېغىر تەسىر قىلماي قالمىدى.
ھەرقانداق بىر كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەر ئۆز زامانىنىڭ دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرمەي قالمايدىغان «قۇتادغۇبىلىك» مۇ چوقۇم تىپىك بىر ئەدەبىي ئەسەر بولغان
لىقتىن، ئۆز دەۋرىنىڭ پاسسىپ ئامىللىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ قالغان. چۈشىنىشىمىزچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) دەپ ئات قويۇشى، ئۆزى تۇت ئاساس ھۆل ئۈستىگە قۇرناتتىم» دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى ھەرگىزمۇ بىر پۈتۈن كاتېگورىيىگە سىموۋۇل قىلىنغان تۆتچى شەخس ئۆدغۇرمىشنىڭ تاقاۋەت تونىغا ئورۇنۇۋالغان تەركىدۇنيالىق قىلمىشى، جەمئىيەتتىن قول ئۈزۈپ تەنھا ئىستىقامەت يولىغا مېڭىشتەك پاسسىپ خۇسۇسىيەتلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن قىسمەن ئىجابىيلىق خاراكتېرىنى ئالغان تاقاۋەت، قانائەتتىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمى.
ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ئەقىدە تورى جەھەتتە «ئەھل قال» ۋە «ئەھل ھال» دېيىلگەن ئىككى ئېقىم، ئىككى گۇرۇھ شەكىللىنىپ ئۆزارا كەسكىن تالاش - تارتىشلار باشلانغان ئىدى. «ئەھل قال» دېيىلگەنلەر قۇرئان، ھەدىس، كىتابلارنىڭ سۆز - ئىبارەلىرىنى يادلىۋېلىپ دوگما ئاساستا تەپەككۇر قىلغۇچىلار؛ «ئەھل ھال» دېيىلگەنلەر ئالەمنى «ۋەھدە تەۋجۇت» (يەككە بارلىق) چۈشەنچىسى بىلەن بايان قىلىپ، ئەقىل يەتمىگەن ساھەلەرگە پەقەت ھېسسىي يول بىلەن ئېرىشىشكە بولىدۇ، قەلب كۆزى، سەزگۈ، خىيالەتتە پىكىر يۈرگۈزۈش يولى بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا بولىدۇ دەپ ئىشەنگۈچىلەر، دەپ ئىككىگە ئايرىپ كىتاب سۆزى بىلەن ئىش كۆرگۈچىلەر «زاھىرىي»؛ سەزگۈر ھېسسىي يول
261
بىلەن ئىش كۆرگۈچىلەر «باتىنىي» دېيىلەتتى ①، كېيىنكى باتىنىي يولىنى تۇتقانلار ئۆزلىرىنى تەسوۋۋۇپ ئەھلىگە تەڭشەر دەپ ئاتاشقان. ھەتتا ئۇلار بەزى ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمىلىرىگە خىلاپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى، جەمئىيەت ئىقتىسادى، ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق تەقىپ قىلىنغان. كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە «بىر قولدا بۇ دۇنيا، يەنە بىر قولدا ئۇ دۇنيانى تۇتۇش لازىم. ئىككى قول، ئىككى پۇتنى ئۇ دۇنياغىلا قارىتىش ساپ ئىبادەت ئەمەس» دېيىلەتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز كىتابىدا تەركىدۇنيالىقنى قاتتىق رەت قىلىدۇ. ئۆزگىلىك مۇنداق باشلىنىدۇ، ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆزىگە تەڭداشسىز ھەمرا، سابىق يولداش، بىلىملىك مەسلىھەتچى ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغان كۈنتۇغدى ئېلىمگە بىر كۈنى ئۆگدۈلمىشكە:
3133 ئەي خۇلقى تۈز، ئاران تاپقانىدىم سېنى، يۈتۈرسەم سېنى مەن ئۆزۈم قېنى؟
3134 مېنى ئەنسىرەتتى بۇ يالغۇزلۇقۇم، يەنە بولسا كاشكى، بۆلەك ھەمراھىم.
3136 كۆر، بارمۇ، سەن ئوخشاش قېرىنداش ئارا، يولۇڭدىن ماڭارلىق مۇناسىپ ساڭا.
① ئابدۇكېرىم قوشۇپبەگنىڭ «رىسالەئى قوشۇپىيە» دىن.
دەپ يېڭىدىن بىر قابىلىيەتلىك، دۆلەت ئىشلىرىغا يارىغۇدەك بىلىملىك بىر كىشى تېپىشنى بۇيرۇدى. كۈن توغدىنىڭ مەقسەتنى چۈشەنگەن ئۆگدۈلمىش چوڭقۇر مۇلاھىزىدىن كېيىن، ئەخلاقى ياخشى، پەزىلىتى يۇقىرى بولغان بىر ئۆزۈق - تۇغلۇقنى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى كۈندە يىراق بىر تاغدىكى غاردا تائەت - ئىبادەتكە مەشغۇل ئىكەنلىكىنى؛ ئەگەر ئۇ خالىسا، تەكلىپ قىلىپ دۆلەت - خەلق ئىشلىرىغا قاتناشتۇرساق دېگەن مەسلىھەتنى بېرىدۇ، كۈنتوغدى ئېلىگ خۇشال بولۇپ غايەت گۈزەل بىر تەكلىپنامە ۋە نەسىھەتلىك خەت يېزىپ ئۆگدۈلمىشتىن ئەۋەتىدۇ:
3197 ئېلىگدىن سالام، ھال سوراش بۇ پۈتۈك پۈتۈدۈم ئىسەنلىك تىلەي ئەي تىتىك.
3198 تېنىڭ ساق - سالامەت، ئىسەن دۇرمىسەن، نەچۈكرەك يۈدۈرسەن زامانە يۈكىن؟
3203 يېقىن قەۋم - قېرىنداشتىن قېچىپ سەن تۈزۈك، يۈرۈيسەن يۇرت - ئەلدىن تۇرۇپ سەن يۈزۈك.
3229 تۈزۈك ئالدىڭ ئەمدى زاھىت ئىتنى، بەلا ئىچرە سالدى بۇ تائەت سېنى.
3236 تائەت قىل شەھەر - كەنت ئارا، بېرى كەل، ئىشىك ئاچسۇن ساڭا ياخشىلىق تۈگەل.
خەلققە بېرىپ نەپ، مۇڭىغا يارا، قېرىنداش دىلىن ئاچ، يېقىنلاش تاڭا.
كىشى ياخشىسى ئەلگە پايدا بېرۇر، بۇ ياڭلىغ كىشىلەر خەلققە زۆرۈر.
تائەتكە ئىشەنىپ يۈرەر بولسا قول، تاپالماس خۇدانىڭ سۆيۈنچىگە يول.
خەلققە ياخشىلىقچۈن، قىچاردىم سېنى، بۇ — خەلق نەپى، زورلاپ سەن بۇزما تۇنى.
ئەگەر بارغان بولساڭ تائەت قىلغىلى، تائەتنى قىل كەنتتە①، شۇدۇر دىن يولى.
ئىبادەتكە ئاۋۋال بىلىم كۆپ تۆكەن، بىلىمسىز ئىبادەت بى پايدا، چۈشەن.
ئامما جاھىل تۇدغۇرمىش دۇنيانىڭ ئەيىبلىرىنى 266 مىسرا سۆز بىلەن كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىن يىراقلىشىپ ياشىماقلىق ئەۋزەللىكىنى سۆزلەيدۇ. تۆكۈلۈمىش تۇنىڭ بىلەن ئۆزۈن مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن «دۇنيا ۋاستىسى بىلەن ئاخىرەتنى تېپىش مۇمكىن» لىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئاخىر
① كەنت — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) شەھەر، يۇرت.
ئودغۇرمىش خانغا بىر پارچە نومۇسسىز خەت يېزىپ مۇنداق تەلەپ قويدۇ:
3754 تائەت قىل خۇداغا ھامان، تاپارسەن — كېچە يۇ — كۈندۈزى ئوچۇق ئىشىكنى.
3755 بۇ تۆت ھاجىتىم، خان، راۋا قىل ماڭا، ئۆپۈپ يۈز — قولۇڭ، خىزمەت ئەيلەي ساڭا.
3756 تىلەرمەن تىرىكلىكنى ئۆلمەيدىغان، يىگىتلىك تىلەيمەن قېرىمايدىغان.
3757 ھەمىشە كېسەلسىز، مېنى ئەيلە ساق، باي ئەت، ئەيلە يوقسۇل بولۇشتىن يىراق.
3758 بۇ تۆت نەرسە بەرسەڭ ساڭا ئىش قىلاي، تۇتۇپ بۇيرۇغۇڭنى پىدايىڭ بولاي.
3759 ماڭا بەرسەڭ ئەگەر شۇلارنى ئەي خان، بېرىپ قول ساڭا قول بولاي مەن ھامان.
ئۇ ھەتتا دۇنيا، راھەت، پاراغەت دېگەنلەر ئاخىر پۇشايمان كەلتۈرىدۇ، دۇنيانىڭ راھىتى مانا شۇ:
3573 جاھان تاتلىقىكىم بۇ ئۈچ نەرسىدۇر، بۇ ئۈچنىڭ لەززىتى باراۋەر تۇرۇر:
3574 يېمەك - ئىچمەك ئېرىر بۇ ئۈچنىڭ بىرى، خوتۇندۇر ئو بىرى سۆيۈنسە ئېرى.
3575 ئۈچىنچى، تەن ساقلىق، تىرىكلىك شۇدۇر، بۇ ئۈچ ئىچرە بۇ بەك كېرەكلىك ئېرۇر.
دەپ تەرىپلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنى مۇنازىرىلەر ئارقىلىق قايىل قىلالماي قايتىپ كېتىدۇ. بىر قانچە قېتىم بېرىپ - كېلىشلەر ئارقىلىق ئاخىر دەرۋىش ئودغۇرمىش ئۆزىنىڭ خان ئالدىدا خىزمەت قىلىش لاياقىتى يوقلۇقىنى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، ھەربىيلەر، ئالىملار، شەھەر - يېزا خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇش يوسۇنلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ سەۋەب كۆرسىتىدۇ. ئۆگدۈلمىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەر تەبىقە، ھەر خىل ئادىمى، دېھقان، چارۋىچى، سودىگەر، كاتىپ قاتارلىقلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ھەققىدە ئىنتايىن كەڭ، تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ ۋە ساۋاق بېرىدۇ. ئودغۇرمىش ئاخىر ئامالسىز كۈنتۇغدى ئېلىگ خان ئالدىغا كېلىدۇ. كۆپ مۇنازىرىلەردىن كېيىن يەنە تاغقا قايتىپ كېتىدۇ. ئۆزاق ئۆتمەي ئۆنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كېلىدۇ. كۈنتۇغدى ۋە ئۆگدۈلمىشلەر ئۆنىڭ جەمئىيەت خەلقتىن ئايرىلىپ، تەنھا رىيازەتتە ئۆتكەن ھاياتىغا، جەمئىيەت ھايات يولىدىن ئايرىلىپ پۈتۈنلەي ئىبادەت يولىغا مېڭىش توغرا ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۆزارا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆنىگغا ماتەم بىلدۈرى
دو، كىتاب ئاخىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز - ئۆزىگە ئېيتقان بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا ئىشلىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرى، ھەمدۇ - سانا بىلەن تۈگەيدۇ.
بۇ يەردە شۇنى ھېس قىلىمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەسىلىدە ئىسلاھات - مۆرىسەسە يولىنى تۇتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېھتىمال يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشاۋاتقان فېئودال ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتى، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوپىزم تەسىرىنىڭ چوڭقۇر ۋە كەڭلىكى، نادانلىق ۋە جاھالەت ھاۋاسىنىڭ قويۇقلۇقىدىن بولسا كېرەك. شۇنداق تۇرۇپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلغار قاتلىمى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن تەرەكىدۇنيالىقتىن قول ئۈزۈش چاقىرىقلىرىغا ئوخشاش ئادەتتىكى دەۋەت، ۋەز - نەسىھەت بىلەنلا ئەمەس، خېلى ئېنىق پاكىت پەلەسەپىۋى مۇنازىرىلەر ئارقىلىق «تەرەكىدۇنيالىق» نىڭ، نەقەدەر خاتا، زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ.
ئويلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىدە «ھالال ئەمگەك بەندىنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەن چۈشەنچە بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنيانىڭ ئىشلىرى، ھالال ئەمگەكتىن قول ئۈزۈپ، تەرەكىدۇنيالىق يولىغا ماڭغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتسە ئۇنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەتكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ ئۆزگىرىشنى تەرەكىدۇنيالىقتىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ نەتىجە بەرمەيدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» يېزىلىپ دەل 50 يىلدىن كېيىن (1125 - يىللىرى) قاراخانىلار جەمئىيىتى زاۋاللىققا يۈز
ئوتۇپ كەتكەنلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. تارىخنىڭ بۇ كەلمىشىنى ئۆتكۈر كۆزلۈك خاس ھاجىپ ئالدىن كۆرەلمىگەن ئىدى. يېقىپ قېپىتقاندا سالچۇقلار، غەزنەۋىيلەر، خارەزم شاھلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا 180 يىللار ھۆكۈم سۈرگەن تۆمۈرىيلەر ۋە ئۇلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان تۇلۇغىبەكدەك ئالىم - مەرىپەت ھامىيلىرىنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، خانلىقنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى شەيخ ئەھمەتتەك جاھان كەتشتى دەرۋىش، تەركىدۇنيالارنىڭ چىبىقتەك پىتراپ كەتكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقدىمۇ دەل شۇنداق بىر تارىخ، يەنى 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە - يەكەن خانلىقى غوجا ئەخمەد كاسانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان تەشەۋۋۇپچى غوجا ئاپاق تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇڭغار ئاق سۆڭەكلىرىگە تۇتۇپ بېرىلگەنلىكى تارىخ بېتىدە يېزىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىڭ يىللار بۇرۇنلا زاھىت (تەركىدۇنياچى) لىقنىڭ ئۇيغۇر ئاقىۋەتلىرىنى ئالدىن كۆرگەن ئىدى.
$$\times \quad \times \quad \times$$
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دانالىقتا كامالەتكە يەتكەن ئەقىل - پاراسىتى، پايانسىز دېڭىزدەك كەڭ بىلىمى، ھېكمەت ۋە پەلسەپىگە تولغان كۆكرەك - سىنىسى، توغرا ۋە ھەققانىيلىقتا ئايىغى يەتكەن ئۆتكۈر بەدىئىي تىلى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئالغا سۈرگەن تەشەببۇس ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي شارائىتى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلغاندا، غايەت
زور ئىلغارلىققا ئىگە، ھەتتا بەزى كۆز قاراشلىرى زامان ئۈچۈن دائىملىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادەتتە بىر تەقۋادار مۇسۇلمان، ئىسلام ئۆلىماسى، جامائەت ئەربابى ۋە شائىرى بولىدىغان بولسا، شۇنچىۋالا جەمئىيەت بىلىملىرىنى قانداق قىلىپ ئۆگىنىپ بولالىغان؟ مەيلى خان، لەشكەر بېشى، مەيلى بەگ، ئەمەلدار، مەيلى كاتىپ، خەزىنىچى، جەڭچى، دېھقاندىن چارۋىچىغىچە، سودىگەردىن ھۈنەرۋەنگىچە بولغان جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەسىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك - ھېسسىيات، ئارزۇ - تەلەپ، تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت، پىسخولوگىيىسىنى قانداق ئۆگىنىپ بولالىغان؟ دېگەن چۈشەنچىگە كەلتۈرىدۇ. بولۇپمۇ، تۈنلىگىرى ھاكىم، ئەمەلدار، قوماندان، جەڭچى بولغانمۇ؟ دېگەن تۇيغۇمۇ سالىدۇ. بۇ، كەلگۈسىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات يولى، ئىجادىيەت جەريانى، تەرجىمىھال - تەزكىرىسىنى ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى قەسېدىلەر توغرىسىدا
ماھمۇت زەيىدى
«قۇتادغۇبىلىك» قەدىمكى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى (شېئىرىيىتى) نىڭ تۈرلىرى جەھەتتىن بىزنى باي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمى مەسنەۋى (ئىككىلىك) شەكىلدە يېزىلغان، بېيىتلار ئارىسىدا بولسا كۆپلىگەن تۆتلىكلەر، تەجنىسلەر، قەسېدە ژانرىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس نەمۇنىلىرى ئورۇن ئالغان، بۇ ماقالىدا «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى قەسېدىلەر ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ھەممىسى بولۇپ ئۈچ قەسېدە بار، بۇلارنىڭ بىرى، يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى؛ ئىككىنچىسى، زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى توغرىسىدىكى قەسېدە؛ ئۈچىنچىسى، كىتاب ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە پەندى - نەسىھەت بەرگەنلىكى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەسېدىلىرىدە بۇ ژانرنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلىمۇ ۋە ئۆزىگە خاسلىق تەرەپلىرىمۇ بار. بۇ
يەردە دەسلەپ ئۆلارنىڭ ئاپتوبىئوگرافىك ① خاراكتېرىنى قەيت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۆنىڭ «يىگىتلىككە ئېچىنىش، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» مەسنەۋىيدىكى قەسىدىسى خاراكتېرلىكتۇر:
1529 * ئۆتۈچى بولۇتتەك، يىگىتلىكنى ئۆتتۈم، بوران - يەل ئۆتەردەك ھاياتنى تۆكەتتىم.
مەلۇمكى، قەسىدىدە تەنەتەنگە ماس ئۆز روھى ھالىتىنى ئىپادىلەش، تەقدىردىن، ھاياتتىن شىكايەت قىلىش غايىسى ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ نەرسە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى قەسىدىلىرىدە ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۆ يىگىتلىكنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە قاتتىق قايغۇرىدۇ. قېرىلىقتىن شىكايەت قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ غايىۋى يۆنىلىشىدە ۋە ئوبرازلار سىستېمىسىدا ئۆزىگە خاسلىقلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەسىدىلىرىدىكى بەدىئىي قۇرۇلما قەدىمكى ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ۋە بەدىئىي مىراسلارنىڭ تەنەتەنسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن.
بۇ قەسىدىلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئۆزىگە خاس تۇيغۇناللىق، شۇ دەۋر پەلسەپىسى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆنىڭدىكى مەلۇم دىنىي خاھىشنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى شائىرنىڭ پەلسەپىسى - دىداكتىك قاراشلىرى ئۆز دەۋرىنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندۇر.
① ئاپتوبىئوگرافىك ئەسەر - يازغۇچىنىڭ ئۆز شەخسىي ھاياتى بىلەن باغلىق ۋەقەلەر ماتېرىيال ئاساسىدا ياراتقان بەدىئىي ئەسىرى.
بۇنىڭدا ئەرەب، پارس، تاجىك ئەدىبلىرىنىڭ پەلسەپىلىك قاراشلىرىنىمۇ بايقاش مۇمكىن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ دىداكتىكىسىدا ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ گۇمانىستىك غايە ۋە پىكىرلىرىنى ئادەتتىكىچىلا داۋام ئەتتۈرمەستىن، بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇردى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەينى زاماننىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىگە نارازىلىق، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي غايىلەر، شۇنىڭدەك ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئالدىنقى قاتار ھېسابلانغان باشقا ماتېۋ ① لارنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان.
يۇقىرىدىكى قەسىدىنىڭ ئاساسىي تېمىسى — لىرىك قەھرىمان شائىرنىڭ ئۆز ھايات ۋەقەلىرىنى تەسۋىرلەشكە قارىتىلغان، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا ئەخلاقىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىنكى ھالەت شائىرنىڭ قەسىدىلىرىگە خاس خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرىنى — دىداكتىك يۆنىلىشنى بەلگىلىگەن.
شائىرنىڭ قەسىدىلىرىنىڭ يەنە بىر خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئوبرازلار سېستىمىسىدا مەلۇم رېئاللىق بار. ۋاھالەنكى، كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ ژانىردىا مۇھىم قاراشلار ۋە پوئېتىك ② (بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىدىكى) ئوبرازلاردا ئاللىبۇرۇنلا بېرىش ئاساسىي ئورۇن تۇتقان
① ماتېۋ — ئاھاڭ، كۈي، مۇقام مەنىسىنى ئاڭلىتىدۇ. مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئاتالغۇسىدۇر. ئەدەبىي ئەسەردە ماتېۋ — ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېمىسىدىن يېتىلىپ چىقىدىغان قوشۇمچە، 2- دەرىجىلىك تېمىسى.
② پوئېتىك — ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەركىبىي قىسمى. بۇ، بىر يازغۇچى ئۇسلۇبىنىڭ خۇسۇسىيىتى، بەدىئىي ۋاسىتىلىرى يىغىندىسىنى ئاڭلىتىدۇ.
ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەسېدىلىرىنىڭ مەركىزىدە شائىرنىڭ ئۆزى دانىشمەن ئىنسان قىياپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئونىڭ لىرىك «مەن»ى — قەسېدىنىڭ ئاساسىي قەھرىمانى. شائىرنىڭ ئاساسىي قەھرىمانى، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «شائىر قەلبىنىڭ ئەينىكى» دېيىش مۇمكىن.
مەلۇمكى، لىرىكىدا بارلىق ۋەقەلەر ۋە كەچۈرمىشلەر شائىرنىڭ شەخسىيىتى تەرىپىدىن ئىپادىلىنىدۇ. شائىرنىڭ «مەن» دېگىنى لىرىك قەھرىمان ئوبرازىغا تەڭ. لېكىن، بۇ شائىرنىڭ شەخسىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان شەخسلا ئەمەس، بەلكى دەسلەپ تېگىشلىك دەۋر كىشىسىنىڭ پىسخولوگىيە ۋە خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائىي شەخستۇر، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قەسېدىلەردە ئۆز دەۋرى ئىدېئولوگىيىسى بىلەن باغلانغان ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى، يۈكسەك تۇيغۇسىمۇ ئىپادىلەنگەن. بۇ قەسېدىلەردىكى لىرىك قەھرىمان ئادالەتسىزلىكتىن تەشۋىشتە، ھاياتنىڭ ناتوغرا قۇرۇلمىسىدىن نارازى ئىنساندۇر. بۇ خۇسۇسىيەتلەر شائىرنىڭ «زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى توغرىسىدا» سەرلەۋھىلىك قەسېدىسىدە تېخىمۇ روشەن كۆرۈنىدۇ. بۇ شۇنداق باشلىنىدۇ:
656 كىشى قىسلىقى بولدى، ئىستەي قەيەردىن؟
تىلەپ تاپقانى بولسا ئىستەپ كۆرەي مەن.
-
جەمى ئارزۇ تاپتىم، كىشى تاپمىدىم، مەنە بۇ ئارزۇنى تاپسام، يۈزۈنگە باقاي مەنە.
-
ئەگەر تاپسام ئەردى ۋاپالىق، سېخى ئەر، يۇيۇپ ئونى يەلەكەمدە، كۆزگە سۈرەي مەنە.
يۇقىرىدا شائىر قەسېدىلىرىدىكى ئاساسىي غايىۋى مەزمۇننىڭ ئۆز دەۋرىدىن، ۋاپادار دوست - يارلاردىن شىكايەت تەرىزدە ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ھالبۇكى، مۇئەللىپنىڭ ئىجادىي بولسا زىددىيەتلەردىن ۋە مەلۇم چەكلىمىلەردىن خالى بولمىغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىنىڭ پەرھىزكارى ئىدى. ئونىڭ ئىجادىدىكى زىددىيەت ۋە چەكلىمىلىك رېئال مەۋجۇدىيەتنىڭ - شائىر ياشىغان زاماننىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدىكى تەرتىپسىزلىك ۋە باش - باشباشتاقلىقنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر.
شۇنداقمۇ كۆرۈش كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەسېدىلىرى مەلۇم مەنىدىن رېئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ۋە ئونىڭدىكى چوڭقۇر مەزمۇنلارنىڭ مۇكەممەل بەدىئىي شەكىل بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكى بىلەنمۇ ئالاھىدىدۇر، شائىر قەسېدىلىرىدىكى ھەر بىر بېيىت ئۆزىنىڭ مەلۇم فونكسىيىسى بىلەن قەسېدە كومپوزىتسىيىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەسىلەن: «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» دېگەن قەسېدىدە، شائىر دەسلەپكى قۇرلىرىدا يىگىتلىك پەسىلنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدىكەن، كېيىنكى بېيىتلاردا بۇ
پىكىر ئۆزىنىڭ پوئېتىك راۋاجىنى تاپىدۇ. ئۈمىدنى ئۆنۈمگە ئەپسۇس، نادامەت، قايغۇ ئاھاڭلىرى سىڭىپ كەتكەن.
ئەگەر ئوخشىتىشلار ساھەسىدە گەپ قىلىنىدىغان بولسا، بۇ ئوخشىتىشلار لىرىك قەھرىمان خۇسۇسىيىتىنى، ئۆلۈك روھىي كەچۈرمىشلىرىنى، ئوي - ھېسسىياتلىرىنى بەكمۇ ئېنىق، روشەن ۋە تەسىرلىك ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان. مۇئەللىپ يىگىتلىكنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى يازغان چېغىدا ئوخشىتىشلاردىن مانا شۇنداق پايدىلىنىدۇ:
6530 ئىپاردەك قارا باشقا مەن كافۇر پۈركۈدۈم، تولۇندەك تولۇق يۈزنى نەگە ئەۋەتتىم.
6531 يورۇق يازدەك ئەردىم تۈمەن رەڭ چېچەكلىك، خازان بولدۇمكىن، ھەممىنى قۇرۇتتۇم.
6532 قىيىندەك بويۇم ئەردى، نۇقتەك دۇرۇس - تۈز، بولۇپ ئەگرى، يادەك ئېگىلدىم، ئېگىشتىم.
6533 ئىست، زايه قىلدىم تىرىكلىك ئاۋۇنچىن، پۇشايماندا قان ياشنى كۆزدىن ئېقىتتىم.
بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ ماھارىتىنى كۆرىمىزكى، ئۇ
قېرى كىشى ئوبرازىنى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى بىلەنلا ئاچقان. يىگىتلىك ۋە قېرىلىقتىكى زاھىرىي بەلگىلەر شۇنداق ئوخشاشلىق بىلەن تاللانغانكى، بۇ بەلگىلەر ئارقىلىق كىتابخان خۇددى ئالتۇن ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەكلا بولىدۇ.
دەسلەپ يۈز تەسۋىرى بېرىلگەن. يىگىتلىك دەۋرى ئۈچۈن قىزىل، قېرىلىق مەزگىلى ئۈچۈن زەپىران رەڭلىرى تاللاپ ئېلىنغان. خۇددى شۇ تەسۋىردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەدىئىي ئىجادىي — قەدىمكى ئەنئەنىلىرىنىڭ يارقىن تەسىرىنى كۆرۈش مۇمكىن. چۈنكى، ئۇيغۇر فولكلور تەسۋىرلىرىدە قىزىل يۈز — ياشلىقنىڭ ۋە گۈزەللىكنىڭ؛ سېرىق يۈز بولسا، قېرىلىقنىڭ — ئەينى ۋاقىتتا دەرت — ئەلەم، قايغۇ غەمگە مۇپتىلا بولۇشنىڭ سىمۋولىدۇر. بۇ جايدا مۇنداق ئوخشىتىشلارنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولمايدۇ:
قىزىل ئالما قىزارغاندەك، قىزىل يۈزلۈك. ناۋات بىرلە يۇغارغاندەك شېرىن سۆزلۈك.
سارغىيىپتۇ — سارغىيىپتۇ، شول جۇگاننىڭ دەردى بار. ساماندەك سارغىيىپ سولدۇم، ۋاھاكازا. ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىدىكى بۇنداق ئەنئەنىۋى ئوخشىتىشلارنى تەسەر سېھىپلىرىدە كۆپ كۆرۈشۈشكە بولىدۇ.
كېيىنكى مىسرالاردا ئىككى دەۋر باشتىكى چاچ ئارقىلىق قىياسلىنىدۇ. بۇ مىسرالار بولسا، بۇ ئىككى دەۋرنى
پۈتۈن كۆلىمى بىلەن تەسۋىرلەشكە قارىتىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شائىر ئۆز مەقسىتىنى تولاراق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەدەبىياتتا ئۆزئارا زىت قويۇلىدىغان ئىككى پەسىلدىن: يىگىتلىك ئۈچۈن باھار، قېرىلىق ئۈچۈن كۆزدىن پايدىلىنىدۇ. پارچىنىڭ ئاياغدىكى مىسرالىرىدا قەددى قامىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسۋىرى بېرىلمىگەن. بۇ يەردە يىگىتلىكتىكى قەدەتنىڭ توغرىلىقى، قېيىندەك تۈزلىكى ئوققا ئوخشىتىلغان؛ قېرىغان چاغلىرى بولسا، ئوقياغا نىسبەتلەشتۈرۈلگەن. «ئوق» بىلەن «يا» نىڭ ئەنئەنىۋى ئوبرازلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتمىسەكمۇ چۈشىنىشلىك بولسا كېرەك.
$$\times \quad \times \quad \times$$
بۇ يەردە شۇ بىر نۇقتىنى روشەن كۆرۈشكە بولىدۇكى، شائىرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى يىگىتلىك بىلەن قېرىلىقنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا قەيت قىلىشتىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكى مانا شۇ تاشقى كۆرۈنۈش - تەسۋىرلەر ئارقىلىق ناھايىتى كاتتا غايىۋى بەدىئىي «يۈك» نى كۆرسەتكەن. مانا بۇ بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە شائىرلىق تالانتتىن ئىبارەت. تاشقى كۆرۈنۈش (ھادىسە) بىلەن ئىچكى باغلىنىش (ماھىيەت) نى كىتابخاننىڭ پەھم - پاراسىتىگە قالدۇرغان. تەكىتلەش كېلىدۇكى، سېھىرلىك يۈز - لەرنىڭ قەھرىمان قەلبىدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى، تەسىرسىزلىك، كۈچلۈك تىترەپ، ئە
لەم، قايغۇ قاتارلىقلارنى كۆرسەتسە؛ ئاياغدىكى مىسرالاردىكى «يا» ئوبرازى لىرىك قەھرىماننىڭ مۇشەققەتلىك ھاياتىغا ئىشارەتتۇر.
«قۇتادغۇبىلىك» سەھىپىسىدىكى بۇ ئۈچ قەسىدىنى بىر قاتار كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولساق، بۇلاردىكى ھەر بىر بېيىتنىڭ يۇقىرىقىدەك چوك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قەسىدە كومپوزىتسىيىسىنىڭ خاسلىقى ۋە ئۇلاردىكى ئاھاڭدارلىقنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
$$\times \quad \times \quad \times$$
«قۇتادغۇبىلىك» سەھىپىسىدىكى قەسىدىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، ئەسەرنىڭ «پارلاق ياز پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى» ناملىق قىسمىمۇ كىشىنىڭ دىققىتى - ئېتىبارىنى تارتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ماقالىدىكى تەسىر ۋە مەدھىيىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەسىدىلەردىن پەرقلىق (ئا ئا، ب ب، د د… شەكىلدە) يېزىلغان بولسىمۇ، پوئېتىك خۇسۇسىيەتلەر جەھەتتىن ئەينەن قەسىدىگە ئوخشايدۇ. 61 بېيىتتىن ئىبارەت بۇ قەسىدىنىڭ باشلىنىشى:
63 ئېسىپ كەلدى شەرقتىن باھارنىڭ يېلى، بېزەشكى جاھان ئاچتى جەننەت يولى.
64 قۇغۇر يەر ئىپار تولدى، كافۇر كېتىپ، بېزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ.
قەسەدىنىڭ كومپوزىتسىيىسىگە قارايدىغان بولساق، ئاۋۋال باھار تەسۋىرى، گۈزەللىك لىرىكىسى، بۇغراخان مەدھىيىسى، ئاپتورنىڭ ھېكمەتلىك خۇلاسىسى، تىلەك ۋە ئارمانىدىن ئىبارەت بىر قانچە قىسىمدىن بىر پۈتۈن قەسىدە مەيدانغا كەلگەن. شۇنى قەيت قىلىش كېرەككى، شائىر بۇغراخان تەسۋىرىگە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى تەبىئەتنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىنى جاي - جايىدا تەسۋىرلىگەن. ئونىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ يېقىملىق، ئەينى ۋاقىتتا كىشىنىڭ روھىنى ئاچىدىغان ۋە ھېس - تۇيغۇسىنى قوزغايدىغان تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. مۇنداق ئىجابىي، كۆتۈرەڭگۈ ۋە كۆركەم قىياپەتلەر بۇغراخان قىياپىتىنى تەسۋىرلەشكە خىزمەت قىلدۇرۇلغان. بۇ لىرىكىدا شائىرنىڭ بىزنى قورشاپ تۇرغان تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر ۋە نەرسىلەرنى ئىلغاشتىكى ئۆتكۈر قابىلىيىتى ۋە زېھىنلىكى نەقەدەر ماھىرلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن - ھە! نۆۋەتتىكى بېيىتلاردا بۇغراخان ئىزگۈ، ئادالەتپەرۋەر كىشى (ھۆكۈمدار) سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. ئونىڭ نۇرغۇن ئىجابىي خۇسۇسىيەتلىرى ساناپ ئۆتۈلگەن. بىراق، بۇ سۈپەتلەردە بۇغراخان تارىخىي، كونكرېت شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي قەھرىمان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، بۇ قەسەدە ژانرىغا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ يەردىكى تەسۋىر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى، ھەمدۇ - سانا بۇغراخاننىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ئەدلى - كارامىتى قاتارلىقلارنى تەرىپلەشكە بويسۇندۇرۇلغان. بۇ جەھەتتىن بۇ قەسەدىنى كىلاسسىك ئەدە
بېياتىمىزدىكى بىر قىسىم دېيىشكە بولىدۇ.
ماختاش ئوبيېكتىدىكى تۈرلۈك ئىجابىي خىسلەتلەرنى ئىدېئال (غايىۋى) دەرىجىدە كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلەش قەدىمكى يادىكارلىقلاردا، خۇسۇسەن ئورخۇن - يېنسەي يادىكارلىقلىرىدا، شۇنىڭدەك مەشھۇر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. تەسۋىرلىنىۋاتقان مۇنداق پرىنسىپى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىدىكى خەلقلەر تىپوسلىرى ئۈچۈنمۇ خاس بىر خۇسۇسىيەتتۇر. بۇ ھالنى مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكارلىقلىرىدا ئوچۇقراق كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ جەھەتتە «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى» يادىكارلىقىنى مىسالغا ئالساق، بۇ خىل مۇبالىغە، مەدھىيىلەرنىڭ كۆزگە ئايرىمچە تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.
تېكىستى:
«…بىلگە قاغان ئەرەمىش، ئالپ قاغان ئەرەمىش. بۇيرۇقى يەمە بىلگە ئەرەمىش ئەرەنج، ئالپ ئەرەمىش ئەرەنج، بەگلىرى يەمە بودۇنى يەمە تۈز ئەرەمىش. ئانى ئۈچۈن ئېلىگ ئانچا تۇتمىش ئەرەنج، ئېلىگ تۇتۇپ تۆرۈگ ئېتمىش…» ①
يېشىمى:
بىلىملىك قاغان (خاقان) ئەرەدى، باتۇر (باھادىر) قاغان ئەرەدى، ۋەزىرلىرىمۇ دانا ۋە باتۇر بولغانىكەن. بەگلىرى ھەم خەلقى ھەم توغرا ئەرەدى. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنى شۇنداق باشقۇرغان ئىكەن. دۆلەتنى تۇتۇپ رەسمىي يوسۇننى رەتكە سالغان ئىكەن.
① «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» (ئىجتىمائىي پەن قىسمى) 1981- يىل 1- سان، 122- بەت.
تېكىستى: «كۆل تېگىن ئاز مان ئاقىغ مىنىپ ئوپلا يۈتەگدى. ئالتى ئەرىگ سانچىدى. سۇ [ت]ە كىشىندە يىتىنج ئەرىگ قىلىچلىدى. ئىكىنتى قوشالغۇقتا ئ، دىز بىرلە سۇ- قۇشدۇمۇز. كۆل تېگىن ئاز باغرىن مىنىپ ئوبلايۈتەگىپ بىر ئەرىگ سانچىدى» ①.
يەشمىسى: كۆل تېگىن ئارغىمىققا مىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئال- تە ئەسكەرنى نەيزىلىدى. ئەسكەرلەر ھۇجۇمىدا يەتتىنچى ئەسكەرنى قىلىچلىدى. ئىككىنچى قېتىم قوشالگۆكتە ئەدىز بىلەن سوقۇشتۇق. كۆل تېگىن ئازنىڭ قۇلان ئېتىغا مى- نىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىر ئەسكەرنى نەيزىلىدى.
x x x
بۇ ئېپىزوتلاردىن قەدىمكى يادىكارلىقلاردا مەدھىيە ئامىللىرىنىڭ قانچىلىك ئورۇنلۇق بىلەن ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەدىمكى شېئىرىيەتلەردە مەدھىيە ئامىللىرىنىڭ بولغان- لىقىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپلا ئەمەس، يەنە مەھمۇت قەشقىرىمۇ تەكىتلەيدۇ. مەھمۇت قەشقىرى «قوشۇق» دې- گەن سۆزنى: قوشاق، شېئىر، قەسەيدە، دەپ ئىزاھلىغان. مۇشۇ ئاتالغۇنىڭ ئىزاھاتى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسال- دىمۇ مەدھىيە ئامىلى كۆزدە تۇتۇلغان:
① «قەدىمكى تۈركىي تىل» تاشكەنت، 1982- يىل، 110- بەت.
تېكىستى: تۈركەن قاتۇن قاتىغا تەگۈر مەندىن قوشۇغ، ئايغىل سىزمىك تاپۇغچى ئۆتنۈر ياشى تاپۇغ①.
يەشمىسى: خانىنىڭ خوتۇنى ھوزۇرىغا مەندىن قوشاق (قەسەدە) يەتكۈز، سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز يېڭى خىزمەتلىرىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېگىن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ نەزمى مۇقەددىمىسىدىمۇ مۇنداق بىر بېيىت بار:
بۇ تۈركچە قوشاقلارنى تۈزدۈم ساڭا، ئوقۇردى ئۇنۇتما، دۇئا قىل ماڭا.
يوقىرىدىكى بۇ پاكىتلاردىن شۇ نەرسە ئاشكارە بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئايرىم تەتقىقاتچىلار كۆرسەتكەندەك ئەرەب - پارس (تاجىك) ئەدەبىياتى تەسىرىدىن ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىپ قويمىدى. ئەكسىچە، «قۇتادغۇبىلىك» قەسەدىلىرىدە ئىپادە قىلىنغاندەك، بۇ ئەنئەنەلەر يېڭى شارائىتتا ئۆزىگە خاس بىر شەكىلدە داۋاملاشتى. بۇ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا (ئەرەب، پارس شۇنىڭدەك تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىدىكى خەلقلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئالا--- ① «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- توم، 487- بەت.
قدار بولغان شائىرلارنىڭ) ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلىرىدىن ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قانچە خىل خەلق بىلەن مەدەنىي مۇناسىۋەت قىلىش جەريانى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزىگە خاس بىر شەكىلنى ئەمەلگە قويۇشنى ھېس قىلدۇردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بابىدا يېڭى ئۇسلۇب ۋە يېڭى ژانىرلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتە تۆھپە قوشتى.
بىز بۈگۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئەسلىگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدا ئىنسانىيەت بەختى ئۈچۈن ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان ۋە بۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ نۇر بولۇپ يانغان سەنئەت ئاسمىنىدىكى پارلاق بىر يۇلتۇزنى كۆرىمىز.
شائىرنىڭ ئوبرازى ئاي بىلەن كۈندەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە
مۇھەممەت ئوسمان
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ كۈچەيگەن، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت گۈللىنىشكە باشلىغان دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئىلىم - پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرغان كاتتا بىلىمگە ئىگە ئالىمدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ رەتسىئونالىزملىق كۆز قاراشلىرى بىلەن غايىلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئىجتىمائىي تەجرىبىلىرىنى ھەمدە ئۆزى بىۋاسىتە كۆزەتكەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى «قۇتادغۇبىلىك» تە ئومۇملاشتۇرغان. ئۇ، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە ئۆزى بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ئىلىم - پەن نامايەندىلىرىنىڭ ئىلغار پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىلىم - پەن ئۆگىنىش ۋە ئىلىم - پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەرغىب قىلغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئىلغار پىكىرلىرىنى ئۆز دەۋر ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر يۈرۈش كۆز قاراشلىرىنى نەينى زامان شارائىتىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى بىۋاسىتە ئۇسۇلدا ئەمەس، بەلكى تۇمسىملىق بىلەن ئوبرازلاشتۇرۇلغان دىئالوگ شەكىلدىكى داستان ژانىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
«قۇتادغۇبىلىك» تە ئاسترونومىيىگىمۇ بەلگىلىك ئورۇن بېرىلىپ، نەينى زامان ئاسترونومىيىسىنىڭ مۆھۈپە قىيەتلىرى ۋە كوسمولوگىيىلىك كۆز قاراشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ يەتتە يۇلتۇز، 12 بۇرچ توغرىسىدىكى ۋە باشقا تەبىئەت كۆز قاراشلىرىدا، ئۆز دەۋرىنىڭ فېئوداللىق مۆھۈت چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان ۋە روھانىيەتچىلىكتىن خالى بولالمىغان كوسمولوگىيىلىك كۆز قارىشى بويىچە، ئوتتۇرا ئەسىر ئاسترونومىيىسىنىڭ ئورىگىنال تېمىسى بولغان ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى روھىي كۈچكە باغلاپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەم قارىشىدىكى بۇ خىل نۇقسانلاردىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىم - پەن نامايەندىلىرىدىن بولغان مۇھەممەت مۇسا خارەزمى، ئەبۇ نەسىر فارابى، ئەبۇ رەيھان بىرۇنلارمۇ خالى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئىسلام تەسىرى كۈچەيگەن فېئودال مۆھۈت ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەن ئەربابلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىغا ھەمدە
ئولارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۆز تامغىسىنى باسماي قالمايتتى. بۇ رېئال مۇھىت شارائىتىدا بەزى ئىلغار پىكىرلىك مۇتەپەككۇرلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى زور ئېھتىياتچانلىق بىلەن بايان قىلغان. بەزىلىرى ئىدېئالىستىك پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، تەڭرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنى پېش قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئىلمىي نۇقتىئىنەزەردىن قاراپ، ئېستېتىكىلىق - ماتېرىيالىستىك خاراكتېردىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىمۇ دەل شۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىتتا يېزىلدى، بۇ خىل مۇھىت ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىجادىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمىغان. بىز ئۇنىڭ تەڭرى مەدھىيىسىدىكى:
4781 ئىگەممۇ ئېستەيمەن، كۆزدە ئۇيقۇم يوق، تاپساممۇ نىشانىن، ھېچ كۆرگۈنۈم يوق.
12 ئېرۇر بارلىقىڭ كۈن ۋە ئايدەك يورۇق، تېگىڭگە يەتكۈچى كۆڭۈل - ئەقىل يوق.
17 ئۇ يۈرمەس، ئۇ ياتماس، ئويغاق، ئۇخلىماس، ئۇنىڭدىن يىراقتۇر تەسەۋۋۇر - قىياس.
دېگەن مىسرالىرى ۋە يەتتە يۇلتۇز، 12 بۇرچ بايانىدىكى:
125 ياراتتى ئالەمنى ئۇ خالاپ ئۆزى، يورۇتتى كۈن، ئاي بىرلە دۇنيا يۈزى.
ياراتتى يېشىل كۆكتە يۇلتۇزنى ئۇ، ياراتتى قارا تۈن ۋە كۈندۈزنى ئۇ.
دېگەن مىسرالاردىن ئۇنىڭ تارىخىي ئىندىۋىدۇئالىزم دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. لېكىن «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر يۈرۈش تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قارىشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولۇپ، ئۇنىڭدا گرېك ئاسترونومى كىلاۋدى پىتولېمېينىڭ ئالەم سىستېمىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسترونومى فارابى، بىرۇنيلارنىڭ ئىلغار ئالەم كۆز قاراشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەينى زامان ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرى ئەينى زاماندىكى ھەرخىل روھانىيەتچىل كۆز قاراشلاردىن خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇئەللىپنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرى يەتتە يۇلتۇز بايانىدا مۇنداق يېزىلغان:
131 بولاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكىنتىر ① تۇرۇر، ئىككى يىل سەكىز ئاي بىر بۇرۇجتا قالۇر.
132 ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي ②، قالۇر بىر بۇرۇجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي.
① سەكىنتىر — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) زۇھەل (ساتۇرن) يۇلتۇزى. ② ئوڭاي — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) مۇشتەرى (يۇپىتېر) يۇلتۇزى.
133 ئۈچىنچى كۆرۈدۈر ① غەزەپتە يۈرۈر، قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر.
134 تۆتىنچى قۇياشتۇر، يورۇتار جاھان، يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەنىنى ھامان.
135 بەشىنچى سەۋىتتۇر ②، سۆيۈملۈك ئۆزى، ئۇ باقسا كۆرۈرسەن خۇشاللىق يۈزى.
136 ئونىدىن كېيىن بۇ ئارزۇ ③ كېلەر، ئۇ كىمگە يۇقۇشسا، تىلەككە يېتەر.
يوقىرىدىكىلەردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ، يەنى زاماندىكى ئاسترونومىيىنىڭ يوقىرى چەككى ھېسابلىنىپ «يەر مەركەز» چۈشەنچىلىرىگە ئاساسلانغان كلاۋدى پىتولېمىنىڭ ئالەم سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرنى ئالەمنىڭ مەركىزى، قۇياشنى سەكەنتەر (ساتۇرن)، ئوڭاي (يۇپىتەر)، كۆرۈد (مارس)، سەۋىت (ۋېنېرا)، ئارزۇ (مېركۇرى) لار بىلەن بىللە ئوخشاشمىغان ئوربىتىلار يەرنى ئەگىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان پلانىتا دەپ چۈشەندۈرگەن؛ قۇياشنى شۇ پلانىتلار ئىچىدە ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقىرىدىغان بىردىن بىر ئاسمان جىسمى
① كۆرۈد — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) مېرىخ (مارس) يۇلتۇزى. ② سەۋىت — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) زوھرا، چولپان (ۋېنېرا) يۇلتۇزى. ③ ئارزۇ — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئاتارۇت (مېركۇرى) يۇلتۇزى.
دەپ تونۇپ، نۇرى يەر ۋە باشقا پلانېتلار ئۈچۈن يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنىڭ مەنبەسى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە يورۇقلۇقى بولمىغاندا يەردە ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھەقىقەت ئۈستىدە ئىجادىي پىكىر يۈرگۈزگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە پلانېتلارنىڭ يىللىق ئايلىنىش دەۋرىنىڭ بىردەك بولمايدىغانلىقىنى، يەرگە نىسبەتەن تارلىقنىڭ يىراق - يېقىنلىقىنى ۋە پلانېتلارنىڭ ھەرىكەت يوللىرىنىڭ ھەرخىل تەكشىلىكلەردە ياتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن؛ پلانېتلارنى تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئىزاھلىغان. مەسىلەن: ئۆزىنىڭ رەڭگى بىلەن بىر تامچە قانغا ئوخشايدىغان قىزغۇچ مارس پلانېتىنى ئاپەت؛ ھەممىدىن روشەن ھەم چىرايلىق ۋېنېرا پلانېتىنى خۇشاللىق خاراكتېرىستىكى سى بىلەن گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يەتتە يۇلتۇز ۋە 12 بۇرچ بايانىدا 16 - بابتىكى ئايتولدىنىڭ كۈن تۇغدى ئېلىمگە بەرگەن جاۋابىدا:
137 بولاردىن تۆۋەنرەك يالچىق① تۇرار، قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن بولار.
731 ئاي ئاۋۋال تولامۇ كىچىك تۇغۇلۇر، كۈندىن كۈن چۆگىلەپ يۇقىرى چىقار.
① يالچىق — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئاي.
733 تولۇپ ئاي ئېگىزگە ئۆرلىگەچ، كېيىن — كېمىپ ئاستا، كوركى كېتەر يۈزىدىن.
734 يورۇقى ئاز — ئازدىن يەنە يوقىلىر، تولۇقلىنىپ كىچىك ئو، قايتىدىن تولۇر.
743 بۇ ئاينىڭ ئۆيى ھەم ئورنى مۇنقەلىپ①، مۇنقەلىپ قالار ئۆيسىز ئاخىر بېرىپ.
744 بۇ ئاي بۇرچى سەرەتان، بۇ بۇرچ ئۆزگىرۈر، ئۆيى ئۆزگىرۈر ھەم ئۆزى چۆرگىلۈر.
745 قايۇ ئۆيگە كىرسە بۇ ئاي تېز چىقار، چىقىشقا ئالدىراپ ئۆيىن تېز بۇزار.
دەپ كۆرسىتىش بىلەن ئاي يەرنىڭ ھەمراھى ئى كەنلىكى ئۈستىدە توختالغان. ئاينىڭ دۆگىلەك شەكىلدىكى يورۇقلۇق چىقارمايدىغان، پەقەت قۇياشنىڭ يورۇقى ب لەن يورۇپ تۇرىدىغان، يەرگە ئەڭ يېقىن ئاسمان جىس مى ئىكەنلىكى ۋە ئاينىڭ يەر ئەتراپىدا ئايلىنىش ب لەن بىللە داۋاملىق يۇلتۇزلار ئارىسىدا بەلگىلىك يۆن ىلىش بويىچە سۆرۈلۈپ، ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلى قىنى ھەمدە ئۇنىڭ يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئۆتىدىغان يول ىنىڭ زودىياك يۇلتۇز تۈركۈملىرى بويىچە ئۆتىدىغانلى
① مۇنقەلىپ — (ئەرەبچە) يۆتكىلىپ ئايلىنىپ تۇرغۇچى، تۇراقسىز.
لمىنى ئىلمىي ئاساستا بايان قىلىپ بەرگەن. دېمەك، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئاينى بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى ھەرىكەتكە پۈتۈن ئاسمان گۈمبىزىنىڭ سوتكىلىق ئايلىنىشىغا ۋە يەر ئەتراپىدىكى سوتكىلىق ئايلىنىشقا قاتنىشىدۇ، دەپ تونۇغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە بۇ باياندا ئاي فازالىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى ۋە ئاي فازىلىرىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت بىر قاتار ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىئالېكتىك كۆز قاراش بىلەن ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاي فازالىرىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇش سەۋەبلىرىنى ئاينىڭ ئۆز يورۇقلۇقىنىڭ بولمىغانلىقىغا ۋە ئاينىڭ ئورنى داۋاملىق ئۆزگىرىپ، يەرگە نىسبەتەن ھەر خىل ئورۇنلاردا بولۇشىغا باغلاپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئاي فازىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسەن، ئاۋۋال تۇغۇلۇش، چوڭىيىپ تولۇش، ئارقىدىن كىچىكلەپ يوقىلىش تەرتىپى بويىچە دەۋرىي قىلىپ، تەكرارلىنىپ بارىدىغانلىقىنى روشەن بايان قىلغان.
131 بولاردىن ئۈچى ئۈستۈن سەكرەپ تۇرۇر، ئىككى يىل سەكسەن ئاي بىر بۇرۇجدا قالۇر.
132 ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇيدۇ تۇغاي، قالۇر بىر بۇرۇجدا ئو دەل ئون ئىككى ئاي.
دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ئېنىق ۋاقىتتا مەلۇم بولغان بەش پلانېتنىڭ ئىچىدە ساتۇرن ۋە يۇپىتېرلارنىڭ
يىللىق ئايلىنىش دەۋرلىرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھېسابلاپ چىقىلىنىپ چىقىلغان يىللىرىنى يەرنىڭ 12 بۇرچ ئاساسىدىكى يىلغا سۆندۈرۈپ، ئۇنى بۇرچ بويىچە كۆرسەتكەن. شۇ بويىچە ئالغاندا، ساتۇرن پلانېتىسىدىكى بىر ئاي يەردىكى 12 ئايغا باراۋەر بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى زامان ئاسترونومىيىسىدە ئېنىقلانغان ئاي سانلىرى بويىچە سېلىشتۇرغاندا، ساتۇرن پلانېتىسىنىڭ ئۈچ ئېيى، يۇپىتېر پلانېتىسىنىڭ يېرىم ئېيى پەرق قىلىدۇ، يەرگە سۆندۈرۈپ ھېسابلانغان بىر بۇرچ ۋاقتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئالغاندا ساتۇرننىڭ 87.9 پىرسەنتكە، يۇپىتېرنىڭ 98.8 پىرسەنتكە يېتىپ بارىدۇ. بۇلاردىن، يۇلتۇز ۋە پلانېتلارنى كۆزىتىشنىڭ ھېچقانداق ۋاسىتىلىرى تېخى كەشىپ قىلىنمىغان ئەينى زاماندا، ئاددىي كۆزلەر بىلەن كۆزىتىپ، پلانېتلارنىڭ بۇرچى - ئۇق ۋاقتىنى (يىللىق ھەرىكەت دەۋرىنى) يۇقىرى ئېنىقلىق بىلەن ھېسابلاپ چىقىشتەك ئاسترونومىيە پېنىنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتىنى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىرى ئىلمىي ماھارىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ پلانېتلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلىش بىلەنلا قالماي ئېكلىپتىكا بېسىپ ئۆتىدىغان، يىلنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىدە ئاسمان بوشلۇقىدا قوراللانمىغان ئاددىي كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى 12 بۇرچقا، يەنى زودىياك يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە بۆلۈپ كۆرسەتكەن:
138 ئون ئىككى بۇرچ باردۇر بۇلاردىن بۆلەك، جۈپ تۇيلۇق بەزىسى ۋە بەزىسى يەك.
139 قوزى يازغى يۇلتۇز، كېيىن تۇي كېلۇر، جەۋزا بىلەن سەرەتان تۇرتۇشۇپ يۈرۈر.
140 ئېرىر قوشنا بۇغداي بېشى، ئارسلان، كېلەر ئارقىدىن قەۋس، ئەقرەپ، مىزان.
141 كېلەر ئاندىن تۇغلۇق، سوغا ھەم بېلىق، تۇغۇلسا بۇلار كۆك بولغۇسى يورۇق.
يوقىرىدىكى مىسرالاردا قۇياش، ئاي ۋە پلانىتلاردىن باشقا يەنە 12 بۇرچنىڭ بارلىقى تەكىتلىنىپ، تۇلارنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندا بىر - بىرى بىلەن قوشنا يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئىكەنلىكى ۋە يىل ئىچىدە تۇلارنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى پەسىللىك كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىپ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەمدە ھەر بىر بۇرچنىڭ بەلگىلىك پەسىللەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن.
بۇ 12 بۇرچ ئەمەلىيەتتە ئاسترونومىيىدە زودىياك دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، قۇياشنىڭ يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى يىللىق كۆرۈنۈش ھەرىكەت يولى، يەنى ئېكلىپتىكا ئىچىدىكى 12 يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، ئەينى زاماندا بۇ يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىغا ئوخشىتىش ئۇسۇ
لى بىلەن ھايۋانات دۇنياسىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى قويۇلغان. مەسىلەن: قوزى (ھەمەل)، ئۆكۈز (سەۋر)، ئەقرەپتەر (جەۋزا)، قۇچقاچ (سەرەتان)، ئارسلان (ئەسەد)، بۇغداي بېشى (سۈنبۈل)، تۈلكى (مىزان)، چادال (ئەقرەپ)، (قەۋس)، ئوغلاق (جەدى)، كۆنەك (دەلو)، بېلىق (ھۇت)، ئاسترونومىيىدە بۇ 12 بۇرچ (زودىياك) يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ نامى شۇ بويىچە ھەر خىل تىللاردا ئاتىلىپ كەلمەكتە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇياشنىڭ ھەر قايسى بۇرجلاردا تەخمىنەن بىر ئايغىچە بولىدىغانلىقى ۋە بىر پەسىلدە قۇياشنىڭ ئۈچ بۇرچتىن ئۆتىدىغانلىقىغا ھەمدە ھەر قايسى بۇرجلاردىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى پەسىللىك كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسەن:
142 ئۈچ يۇلتۇز باھارنىڭ، ئۈچى يازغىدۇر، قىشنىڭدۇر ئۈچىسى، ئۈچى كۈزگىدۇر.
دەپ 12 بۇرچنى ئۈچتىن، تۆتكە ئايرىپ چىققان.
ئالىم بۇ باياندىلا، ھەمەل، سەۋر، ھۇت يۇلتۇز تۈركۈمىنى باھار بۇرچىغا؛ جەۋزا، سەرەتان، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىنى ياز بۇرچىغا؛ سۈنبۈل، مىزان، ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىنى كۈز بۇرچىغا؛ قەۋس، جەدى، دەلو يۇلتۇز تۈركۈمىنى قىش بۇرچىغا بۆلۈپ تۆت پەسىلنى ئايرىغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاسمان جىسىملىرى توغرى
سىدىكى بەزى كۆز قاراشلىرى ھازىرقى زامان ئاسترونومىيىسىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە قارىغاندا، يېڭىلىق ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ئۆز دەۋرىگە كۆرە ئاسمان جىسىملىرىنى بىلىش ۋە تىزىلىش يولىدا قازانغان زور نەتىجە، بولۇپمۇ ساتورن ۋە يۇپىتەر قاتارلىق پلانېتلارنىڭ يىللىق ئايلىنىش دەۋرىنىڭ خېلى ئېنىقلىق بىلەن ھېسابلىنىشى، بۇرج (زودىياك) دەپ ئاتالغان 12 يۇلتۇز تۈركۈمى بويىچە پەسىللەرنى ئايرىشى، قۇياشنىڭ پلانېتلار ئىچىدە ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقىرىدىغان بىردىن بىر ئاسمان جىسمى بولۇپ، دۇنيا يورۇقلۇقنىڭ ئۇنىڭغا باغلىق ئىكەنلىكى، ئاي فازىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى، ئالمىشىپ تۇرۇش سەۋەبلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى كۆز قاراشلىرى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەت پەلەسەپىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى ئاسترونومىيىلىك بايانلىرى غايەت زور ئەھمىيەت ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاسترونومىيىلىك كۆز قاراشلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىگە ئۆز دەۋرىنىڭ دىنىي ۋە فېئوداللىق ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچراشتەك تەرەپلىرىنى ھېسابقا ئېلىش شەرتتى ئاستىدا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىلمى - يەنى تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى نەرسىلەرگە ئاساسەن تارىخىي ماتېرىيالىزمچىلىق
كۆز قاراش بىلەن توغرا باھا بېرىشىمىز لازىم. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تولۇق ئالىمى، شۇنداقلا ئۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پەخرى بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇنىڭ شانلىق ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» — جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىبھا گۆھەر. قەدىمكىنى بۈگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش روھى بويىچە، بۇ ئەسەرنىڭ جەۋھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ۋەتىنىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق قارىشى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش
غوپۇر ئىسمائىل، لى جىيەنشىڭ
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە پارلاق مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇلۇغ ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» تە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇن، پەلسەپە قاتارلىق ھەر خىل قاراشلىرىغا ئوخشاشلا ئەخلاق توغرىسىدىكى قاراشلىرىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ، ئەسەرگە باشتىن ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھمىيەتتىن ئىزدىنىش ھالدا توغرا ئىلمىي باھا بېرىش، شۇ ئارقىلىق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈش — «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ھەقىقىي تۈردە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي پىكىر تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشىمىزدىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ ماقالىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئەكس
ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىمىز.
1. دۆلەتنى تۈزەشنى مەقسەت قىلغان ئەخلاق قارىشى
ئەخلاق تەربىيىسى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو پەلسەپىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر پەلسەپىسى ياۋروپا پەلسەپىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوخشىمىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەلسەپىنىڭ ئەمەلىي تۇنۇمغا، ئەخلاققا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى — ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە ناھايىتى روشەن ئىپادىلەنگەن.
ھەممىگە مەلۇم، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە قاراخانىلارنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن مۇقىملاشقان، ئىگىلىك راۋاجلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئۇرۇشلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ دەھشەتلىك ئىقتىسادىي تالان-تاراجى تۈپەيلىدىن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى
ھەممىدە باي - نامراتلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر يەنىلا ئىنتايىن ئۆتكۈر ئىدى. گۈللەپ ياشناش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل بۇھران ئامىللىرى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇخىل ئىجتىمائىي مۇھىت بىر تەرەپتىن، قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىملاشتۇرۇش، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، خانلىق ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەشتەك ئوبيېكتىپ ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىشى ئۈچۈن ئوبيېكتىپ ئېھتىياجنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇددى كىتابنىڭ نەزمى مۇقەددىمىسىدە ئېيتىلغاندەك:
34 قارا، بۇ كىتابكى جەمئىيگە يارار، بولۇپمۇ شاھلارغا، كى ئەل - يۇرت تۇتار.
مانا بۇ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يېزىلىشىدىكى مەقسەتنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج ۋە مەقسەت ئۆز نۆۋىتىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مېيىلى تۈزۈمنىڭ سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد تەدبىرىنى شەرھلەشتە بولسۇن ياكى دىنىي، ئەخلاق ۋە پەلسەپە تەدبىرىنى شەرھلەشتە بولسۇن، مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشنى بەلگىلىگەن. ئەخلاق ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، مۇئەييەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەمدە شەخسلەر بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر
لى تەگىشىدىغان ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنىڭ يىغىندىسى. ئۇ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك، شەرەپ بىلەن نومۇس، راستچىللىق بىلەن ساختىلىق قاتارلىق ئەخلاق نۇقتىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھەرخىل ھەرىكەتلىرىگە باھا بېرىدۇ ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدۇ، ھەرخىل شەكىلدىكى تەربىيە ۋە ئامما پىكرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق كىشىلەردە تەدرىجىي ھالدا مۇئەييەن ئېتىقاد، ئادەت، ئەنئەنە قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن رول ئوينايدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيەنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي بازىنىڭ مەھسۇلى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە مۇئەييەن ئىقتىسادىي بازا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز سىنىپىنىڭ تولۇق مۇتەپەككۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتنى ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىغا قارىتا ئۆتكۈر سېزىمچانلىققا ئىگە بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. شۇڭا، ئۇ قاراخانىلارنىڭ ئىچكى ئوبيېكتىپ رېئاللىق ئېھتىياجىغا ماسلاشقان ھالدا ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى شەھەرلىشىش جەريانىدىكى ئەخلاق مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان، ئونىڭ ئۆنۈمگە ئالاقىدار ئېتىبار بەرگەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىگە خىزمەت قىلدۇرغان.
دەرۋەقە، ھەر قانداق يېڭى تەلىماتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەلىماتلارغا ۋارىسلىق
قىلىنىشقا ئوخشاشلا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق ئىدىيىسىنىمۇ قۇرۇقتىن قۇرۇقلا مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۆمۇ ئوخشاشلا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مۇنتەزىم ئىدىيە ۋە ھەرخىل ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك. بۇ، يەنە دىن تېمىلىگەن ئىدىيىۋى كۆز قاراشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماركىس ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيىنىڭ، شۇنداقلا شەرقتىكى باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا: «بۇ دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرىغا قارىتا ئېيتقاندا قۇرئان ھەم ئېتىقاد، ھەم قانۇننىڭ مەنبەسى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى ①. ماركىسنىڭ خۇلاسىسى مىلادى 10 - ئەسىردىن باشلاپلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى باشلىغان قاراخانىلارغىمۇ ئوخشاشلا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئونىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقادچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئەخلاق قاراشلىرىنى شەرىھلەش ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ئىدىيىسىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئوبيېكتىپ ئېھتىياجغا ئاساسەن، تەبىئىي ھالدا ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئىدېئولوگىيە بولغان دىندىن پايدىلانماسلىقى، ئۇنىڭدىن ئىدىيىۋى قورال ئىزدىمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەل مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن «قۇتادغۇبىلىك» تە خان «كۈنتۇغدى»، ۋەزىر «ئايتولدى»، ئايتولدىنىڭ ئوغلى «ئۆگدۈلمىش» ۋە زاھىد «ئودغۇرمىش» تىن ئىبارەت تۆت پېرسوناژنى ياراتقان.
① «ماركىس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 19- توم، خەنزۇچە نەشرى، 141- بەت.
دۆلەتمىش»، «ئودغۇرمىش» تىن ئىبارەت تۆت پېرسوناژنى يارىتىپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئادالەت ۋە قانۇن، بەخت ھەم سائادەت، ئەقىل - پاراسەت، قانائەت ياكى ئاقىبەتتىن ئىبارەت تۆت خىل ئەخلاقىي - پەلسەپىۋى سىمۋول قىلغان ھەممە مۇشۇ تۆت پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى سوئال - جاۋاب ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىسىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق قاراشلىرى پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىغا باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن. خۇددى ئاپتور ئۆزى ئېيتقاندەك:
358 سۆزۈم ئۇشبۇ تۆت نەرسە ئۈستىدەدۇر، ئۇقۇساڭ دىققەتلىە، مەنا ئېچىلۇر.
مانا بۇ ئەخلاق قارىشىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە قانچىلىك ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي قارىشى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي قارىشى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئالدىنقىسى كېيىنكىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كېيىنكىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دىنىي ئەخلاقنىڭ قەدىر - قىممەت، ئىنتىزاملىق، ھېچنەرسىنى قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قاراشتىكەن تەرەپلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان ھالدا، ئېتىقاد
بىلەن ياخشىلىق قىلىش، ئەركىنلىك بىلەن تەقدىر ئوتتۇرىسىدا ئادەملەرنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى بولۇشى لازىملىقنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە شۇ ئاساستا ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ئىرادە ئەركىنلىكى ئارقىلىق بېھىشكە ياكى دوزاخقا كىرىش يولىنى تاللىيالايدۇ، بەگلەر ئۆزىنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىگە تايىنىپ دۆلەتنى تۈزەلەيدۇ؛ خەلقنى ئاتىرجەمچىلىككە، ئاجىزلىقنى كۈچلۈكلۈككە ئايلاندۇرالايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق ئىدىيىسى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ شەرھلىنىشى ئادەمنىڭ ئىرادىسى نىسبىي ئەركىنلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىسلام پەلسەپىسىدىكى بۇ مەسىلىنىڭ ئاساسى ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان. تۆۋەندە بىز مۇشۇ مەسىلىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت خىل ئەخلاقىي پەزىلىتى قانداق شەرتلىكلىككە قاراپ باقايلى.
2. ئادالەتنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ياخشىلىق قىلىش قارىشى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىرادە ئەركىنلىكىنى چىقىش قىلىپ، بېھىشكە كىرىش بىلەن دوزاخقا كىرىشنىڭ يولى ئالدىن بېكىتىپ قويۇلغان بولماستىن، بەلكى ئۇنى ھەر بىر ئادەم ئەركىن تاللىيالايدۇ، بۇ يەردىكى ئاچقۇچ «ياخشىلىق قىلىش»، كۆپلەپ ياخشىلىق قىلغاندىلا دوزاقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ ئايتولدىنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق
دېيىدۇ:
1295 يەنە ئېيتتى ئايتولدى، ئوغلوم ئېشىت، جەھەننەمنى ياخشى قىلىقلىق بېكىت.
226 ساڭا ئىككى دۇنيا كېر بولسا تىلەك، ئامالى ياخشىلىق ئېرۇر ئەيلىمەك.
ئۇ كىشىلەرنى كۆپلەپ ياخشىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، ئادەمنىڭ مۇستەقىل ئىرادىسى ئەركىن، ياخشىلىق قىلىشنىڭ يولى ئوچۇق، ياخشىلىق ئىشى بولسا ھامان ئۇتۇشلۇق بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىق قىلىشنى:
856 ئېلىك ئېيتتى: ياخشىلىق سۈپىتى شۇدۇر، كى خەلققە ئۇنىڭدىن پايدىلار يېتەر.
857 قىلۇر ياخشىلىق ئۇ پۈتۈن ئېلىگە، يەنە مىننەت تۇرماس كىشى يۈزىگە.
858 تىلەر نەپ ئۇ ئېلگە ئۆز نەپىن دېمەس، يەتكۈزگەن نەپىچۈن بەدەل كۆزلىمەس.
دەپ قاراپ، ئۇنى دىنىي ئەقىدىلەردىكى ياخشىلىق قىلىش، «پەرز» دائىرىسىدىلا چەكلەپ قويمىغان، شۇنداقلا يەنە مەخسۇس ئېسىلزادىلەر ئارىسىدىكى خەيرى-ساخاۋەت، ياخشىلىق قىلىشلا كۆزدىمۇ تۇتمىغان، بەلكى خەلققە پايدى
دا يەتكۈزۈش، ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەسلىك ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتقان. بولۇپمۇ ئۇ دۆلەتنى تۈزەش قائىدىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا ئاساسلىقى دۆلەت باشلىقى، ۋەزىر قاتارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى خەلققە ياخشىلىق قىلىشىنى، «يامانغا بىر ئوت، ياخشىغا ئاپەت» بولۇشنى، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ تۇرۇشنى، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولۇشنى، ھېچكىمنى بەگ ۋە قۇل دەپ ئايرىماسلىقنى كۆزدە تۇتقان. روشەنكى، بۇ تېخىمۇ ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىق قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ھۆكۈمدارلار ۋە بايلارغا قارىتا ئېيتقاندا ياخشىلىق قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئاساسلىق ئىككى خىل بولىدۇ؛ ئۇنىڭ بىرى ئادالەتلىك بولۇش، يەنە بىرى خەيرى - ساخاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ ئادالەت ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئەخلاقىي پەزىلەت:
865 بەختلىك ياشاشقا دۇرۇسلۇق كېرەك، كىشىلىك ئېتىدۇر دۇرۇسلۇق دېمەك.
ئادالەت دېگەنلىك «تېشىمۇ ئىچىمۇ، ئىچىدەك تېشى»، «تىلى، كۆڭلى بىرلە بىر يەر سۆزى» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. بولۇپمۇ ئادالەتلىك بولۇش ھوقۇقدارلار، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت باشلىقى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، شۇڭا ئۇ
«كۈنتۇغدى ئېلىك» نى ئادالەتتىن ئىبارەت بۇ ئەخلاقىي پەزىلەتكە سىمۋول قىلىدۇ. ئۇ ھوقۇقدارلار، بولۇپمۇ دۆلەت باشلىقىنىڭ ئادىل - ئادىل ئەمەسلىكى قانۇن - تۈزۈمدە ئىپادىلىنىدۇ، ئادالەت — ئادىل قانۇن، قانۇنلۇق ھەرىكەتلەر دېگەنلىك بولىدۇ، ھۆكۈمدارلارغا قارىتا ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولۇشى، ئىشلارنى ئادالەت بىلەن ھەل قىلىشى، ھېچكىمنى بەگ ۋە قۇل دەپ ئايرىماسلىقى لازىم دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ:
809 قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشنى، ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشنى.
817 كىردەك ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم، يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىرەر قونۇقۇم.
818 ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا.
شۇڭا ئۇ كۈنتۇغدى ئېلىكنى يەنە قانۇنغا سىمۋول قىلىدۇ. بۇلاردىن كۆرۈنىدۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئادالەتنى ھۆكۈمدارلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەخلاقىي پەزىلەت دەپ قارىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق تەربىيە بولۇپ، ھازىرمۇ ئوخشاشلا ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادالەتنى نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمدار
لار ھازىرلاشقا تېگىشلىكنىڭ ئۆزىنى مۇھىم ئەخلاقىي پەزىلەت دەپ قارايدۇ؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ:
821 ئادالەت ئۈستىدە بۇ بەگلىك ئۆلى، بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت يولى.
ئىكەنلىكىنى، پەقەت:
822 ھۆكۈم قىلسا ئەلگە ئەدىل بىرلە بەگ، تىلەك ئارزۇسىغا بولۇر يەتكۈلى.
ئاندىن دۆلەت مۇستەھكەملىنىدىغانلىقى، ھالاكەتتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن. شۇڭا، ئادالەتلىك بولۇش ھەر بىر ھۆكۈمدارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئەخلاقىي پەزىلەت دەپ قارىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئادالەتنى ھۆكۈمدارلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن دەپ قارىشى، ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بايلىق بىلەن نامراتلىقنىڭ تەڭسىزلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئادالەتسىزلىك قاتارلىق رېئاللىقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل ئادالەتسىزلىكلەرنى كۆرگەن، شۇڭا، ئۇ دۆلەت باشلىقىنى قانۇن - تۈزۈم ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولۇشقا، ئادالەتنى كەم بولسا بولمايدىغان ئەخلاقىي پەزىلەت دەپ قاراشقا ئۈندەيدۇ، بۇ
گەردىچە ئەينى ۋاقىتتىكى شەرت - شارائىت ئاستىدا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان پىكىر بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر خىل ئىلغار ئىدىيە ئىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەيرى - ساخاۋەت قىلىشنى ھۆكۈمدارلار ۋە بايلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا ئۇلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەخلاقىي پەزىلەت دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ، بايلار يوقسۇللارغا، يار - يۆلەكسىزلەرگە خەيرى - ساخاۋەت قىلىشى، ياخشىلىق قىلىشى كېرەك:
1367 بالا - زورلۇق ۋاقتىدا قىل ياخشىلىق، تىلىڭ، ھەم قولۇڭدىن سۆيۈنسۈن خەلق.
1368 نەسەبلىك چېغىڭدا ياخشىلىق ئاشۇر، تاۋار - مال بارىدا تۆلەشتۈر، يىدۈر.
مۇشۇنداق قىلغاندىلا ياخشىلىققا ياخشىلىق ئالىسەن، بېھىشكە كىرىشنىڭ يولىنى تۈزلىيەلەيسەن، دەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خەيرى - ساخاۋەتنى ياخشىلىق قىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى دەپ قارىشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، قاراخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بايلىق بىلەن نامراتلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك تۈسكە ئۆتكۈر قارىشى قاراشلىقنى، ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى قارىشىلىقنى نورماللاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە بىزنى قىزىقتۇرىدىغىنى بۇ مەسىلە بولماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ياخشىلىق قىلىش بىلەن مال - مۈلۈك
سېنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
3979 جەمئىي ياخشىلىققا يولچى ئېرۇر مال، جەمئىي دەرتلەر ئۈچۈن ئەمجى ئېرۇر مال.
3983 ئېلىپ، بەرمەككە يوق بولسا ئەر مېلى، پۈتۈن ياخشىلىققا قىسقىدۇر قولى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەندىشىسى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سىنىپىي مەيدانىنى چىقىش قىلىپ پەقەت مال - مۈلكى بولغان دۆلەتمەنلەر ئاندىن ياخشىلىق قىلالايدۇ، ياخشىلىق قىلىشتەك ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ئەخلاق بىلەن ئىقتىساد، مال - مۈلۈكنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى، ئەخلاق بىلەن ياخشىلىق قىلىشنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە ياخشىلىق قىلىشنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل ئىپادىسىنى، بولۇپمۇ ئادالەتنى شەرتلىك سۈرەت، يەنە باشقا بەزى ئىپادىلىرىنىمۇ بايان قىلىدۇ. مەسىلەن: ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى — پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى، ئالىملار، تېۋىپلار، شائىرلار، دېھقانلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، قول ھۈنەرۋەنلەر، پېقىرلار بىلەن قان
داق مۇناسىۋەت قىلىش لازىملىقىنى كونكرېت بايان قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دېھقانلار بەك كېرەكلىك كىشىلەر، ئۇلارنىڭ قولى، دىلى كەڭ بولىدۇ، «تاپار ھەممە تۈندىن يېمەك تېمىنى»، شۇڭا:
4418 بولارغا قوشۇلغىن، قېتىلغىن تۈزۈك، قىلىپ ياخشى سۆزنى، ئوچۇق تۇت يۈزۈك.
چارۋىچىلار بەك ئاق كۆڭۈل، چىن، راستچىل كېلىدۇ، قىمىز، سۈت، يۇڭ، ياغ، قېتىق، قۇرۇت ئىشلەپچىقىرىدۇ، كىيىم-كېچەك، ئۆيگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى، قاتناش قوراللىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا:
4444 قېتىلغىن، قوشۇلغىن، يېدۈر ھەم ئىچۈر، دۇرۇسلۇق ئىچىدە تىرىكلىك كۆچۈر.
قول ھۈنەرۋەنلەر ناھايىتى كېرەكلىك كىشىلەر، بۇ دۇنيانىڭ زىننىتى، جاھاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلار شۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، شۇڭا:
4462 ئىشىڭنى قىلسا، ئىش ھەققىنى تېز بەر، يېدۈرگىن، ئىچۈرگىن، ئاشنى كۆڭۈل بەر.
دەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھۆكۈمدارلار ئومۇميۈزلۈك ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي پەزىلەتتىن سىرت يەنە ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالاھىدە بولغان كەسپىي ئەخ
لاقپى پەزىلەتلەردىمۇ كونكرېت شەرتلىنىدۇ. گەرچە ئۆز كېسىپىي ئەخلاقىي پەزىلەت كاتېگورىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دۆلەتنى تۈزەش، خاتىرجەملەندۈرۈش مەقسىتىنى دەستۇر قىلغان ھالدا كېسىپىي ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ كۆپلىگەن كونكرېت مەزمۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن: دۆلەت باشلىقى ئاق كۆڭۈل، تىلى تۈز، خۇلقى تۈز، ئاقىل ھەم بىلىملىك، ئەل سۆيەر، كۆزى توق، دىلى كەڭ، سېخى بولۇشى كېرەك؛ ۋەزىر ئەقلى كۆپ، ئىلمى دېڭىز، دۇرۇس، كۆزى توق، كىچىك پېئىل بولۇشى كېرەك؛ ئەسكەر باشلىقى جەسۇر، بېشىمدىن ئىش ئۆتكەن، مۇلايىم، ئەقىللىق، تەمكىن بولۇشى كېرەك. بۇلاردىن سىرت، يوقىرىقىلار ھۆكۈمدار بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە سەمىمىي - سادىق، كەڭ قورساق، ئۆزىنى تۇتقان، كەمتەر، ئېھتىياتچان، مۇلايىم بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. بۇ ئالاھىدە بولغان ئەخلاقىي پەزىلەتلەر ئەخلاق كاتېگورىيىسىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي كاتېگورىيىگىمۇ مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەتنى رەتكە سېلىش، فېئودال سۇلالە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلىك خادىملارنى تاللاش ئۈچۈن ئوبيېكتىپ ئۆلچەم ھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەتنى تۈزەش لايىھىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- «ئىككى دۇنيادىكى بەخت - سائادەت» يولىدا ئۆزلۈكنى مەقسەت قىلغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى
كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى دېگىنىمىز، كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىگە بولغان توپ قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دۇنيا قاراشنىڭ ئىپادىسى ۋە تەركىبىي قىسمى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئەخلاقتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشقا قانداق قاراش، بەخت - سائادەتكە ۋە بەخت - سائادەت يولىدا ئۆزلۈنۈشكە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرىكلىكى مەسىلىسى كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىكى مۇھىم بىر مەسىلە، دىندىكى مۇھىم بىر مەسىلە؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ دۆلەتنى تۈزەش يولىنى، چارە - تەدبىرلىرىنى ئەتراپلىق شەرھلەشتە ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر مەسىلە. ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسىرىگە «قۇتادغۇبىلىك» دەپ نام بېرىشتىكى مۇھىم بىر مەقسىتى خۇددى ئۆزى ئېيتقاندەك كىشىلەرنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت:
350 كىتاب نامى قويدۇم قۇتادغۇبىلىك، قۇتاتسۇن ئوقۇغۇچى تۇتسۇن ئېلىك.
بارلىق دىنلار بەخت - سائادەتنى ھامان ئۇ دۇنيادىكى بېھىشكە مەنسۇپ نەرسە دەپ قارايدۇ. ئۇلار
تەقدىرچىلىك قارىشىنى چىقىش قىلىپ كىشىلىك تۇرمۇشنى بۇ دۇنيالىق ۋە ئۇ دۇنيالىق دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ، ئۆلۈم پەقەتلا بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك، بۇ دۇنيادا دىنىي ئەقىدىلەرگە سادىق بولسا، پەرزلەرنى ئادا قىلسا، جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداملىق بېرىلسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مۇقەررەر ھالدا بېھىشكە كىرىدۇ، شۇنچە بەختلىك بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ خىل «بەخت-سائادەت قارىشى» مۇقەررەر ھالدا ئۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادەتنىڭ كويىدىلا بولۇپ كېتىشتىن ئىبارەت تەقدىرچىلىك ئاساسىدىكى ئۈمىدسىزلىك كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاكىمىيەتنى رەتكە سېلىش، دۆلەتنى تۈزەش، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، خانلىق ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تەقدىرچىلىك ئاساسىدىكى بۇ خىل كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تەشۋىق قىلىشى روشەنكى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇ، ئادەمنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئادەم ئۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادەتكە ئىنتىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادەتكىمۇ ئېرىشىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك دەپ ھېسابلاپ:
3975 يامان ئەمەس ئەمدى بۇ دۇنيا قۇتۇن - تېپىپ، بىلسە ياشاشنى، چىقارسا ئېتىن.
دەيدۇ. ئۇ مۆتىدىل دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادەتنى پەس كۆرىدىغان، ھەممە ئىشنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن، تەقدىردىن بولىدۇ، دەپ قارايدى
غان تەقدىرچىلىك قارىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ:
3652 جاهان خەلقى بارچە شەھەر - كەت قويۇپ، چىقىپ تالغا بۈيۈك يۈك يۈدۈپ.
3653 بۇزۇلغاي جاهان، بارچە قالغاي قۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىدا كېسەلگەي تۇرۇق.
ئۇ يەنە يۈرەكلىك ھالدا ئادەملەرنىڭ ماددىي راھەت يولىدا تىزلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماددىي راھەتنىڭ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس، ئادەم ئۈچۈن تاماق ۋە كىيىم - كېچەك لازىم، بۇ ھاياتنىڭ زۆرۈرىيىتى:
3665 بەدەن ياپقۇلى تون، تويماق ئۈچۈن ئاش، تىرىككە بۇنىڭدىن كېچىش يوق، قاياش.
3666 ھالالدىن تېپىپ مال يېمەكلىك كېرەك، يوقسۇلغا بىر قىسمىن بەرمەكلىك كېرەك.
دەپ ھېسابلايدۇ. ئەلۋەتتە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر دىنىي مۇخلىس، ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت ئاستىدا ئۇنىڭ ئۇ دۇنيادىكى بەخت - سائادەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئۇ بۇ دۇنيادىكى بەخت - سائادەتنى «تۇراقسىز» بولىدۇ دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنى مەدھىيە
لمەيدۇ، كىشىلەرنى بۇ دۇنيانىڭ ھالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەرەققىيلىك يولىدا ئاچچىقلانماسلىققا، بۇ دۇنيادىكى بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشىپ تېزلىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ. روشەنكى، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت ئاستىدا مۆتىدىل دىنىي ئەقىدىلەرگە خىلاپ بولغان، ئىنتايىن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر خىل ئىدىيە. ئۇ، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك كىشىلەرنى بۇ دۇنيادىكى بەخت - سائادەت يولىدا تىرىشىپ تېزلىنىشكە دەۋەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ئارقىلىق ئادەمنىڭ پانىي دۇنيا، باقىي دۇنيادىن ئىبارەت ئىككى دۇنيادىكى بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تېزلىنىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىنى دەلىللەيدۇ، ئۇ خۇدا ئىككى دۇنيانى ياراتتى، ئادەملەردىكى ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق، ئىككى پۇت، ئىككى قول بولسا مۇشۇ ئىككى دۇنيانى تۇتۇش ئۈچۈن يارىتىلغان، ئىنسانلار مۇشۇ ئەزالىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىككى دۇنيادىكى بەخت - سائادەتنى تۇتۇشى كېرەك، «بىرىنى تاپساق، ئۆزلى ئۆ بىرىن ھامان» دەيدۇ. يۇقىرىقىلاردىن كۆرگىلى بولىدۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيادىن ئىبارەت ئىككى دۇنيادىكى بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تېزلىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خۇددى ئۆزى ئېيتقاندەك:
351 سۆزۈم سۆزلەپمەن، پۈتتۈم پۈتۈك، سۇنۇپ ئىككى دۇنيانى تۇتسۇن ئۈلۈك.
352 كىشى تۇتسا بەخت بىرلە ئىككى جاھان، بەختلىك بولۇر، بۇ سۆزۈم چىن ھامان.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ خىل كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى يېقىن شەرقتىكى ئىدېئولوگىيە شارائىتى ئاستىدا دىنىي رامكىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر خىل ئاكتىپ، ئۈمىدۋار بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بولۇپ، مۇنتەزىل دەرىجىدىكى پاسسىپ، ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان تەقدىرچىلىك كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ، ئۇ كىشىلەرنى ئۈمىدۋار بولۇشقا، رېئاللىققا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا، بۇ دۇنيادىكى بەخت - سائادەت يولىدا ھارماي ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ ئىلغار مۇتەپەككۇرى ۋە ئىسلاھاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تولۇقلىغان غايىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما، 1055 - يىلدىن كېيىن، ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا يوقىلىشقا يۈزلىنىشى، ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭمۇ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى، پۈتۈن ئەرەب رايونىنىڭ سوپىزم ئىدىيىسى ئېقىمى يامرىغان دىنىي ئەسەبىيلىك مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقى، تۈركلەرنىڭ تۈزۈپ چىققان دۆلەتنى تۈزەش، ئەلنى خاتىرجەم قىلىشتەك ئىدىيەۋى
يىسى، لايىھىسىنىڭ مۇقررەر ھالدا قاراخانىلاردا خېلى سالماقنى ئىگىلىگەن سوپىزم مۇرىتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەزىدە، بولۇپمۇ كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش، دۇنيادىن بېزار بولۇش، تەركىدۇنيالىقتەك روھىي كەيپىياتلىرىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان زىددىيەتلىك دەۋردىكى زىددىيەتلىك ئىدىيەلىرىنىڭ ئىپادىسى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىسلاھاتچى ۋە مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك كىشىلىك تۇرمۇش قارشى ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئەمەس، بىز ئۇنىڭغا قارىتا ھەقىقىي ئەمەلىيەتتىن ئۆزلۈكسىز ھالدا تارىخىي تەھلىل يۈرگۈزۈشىمىز ۋە باھا بېرىشىمىز لازىم.
4. بىلىمنى يادرو قىلغان بەخت قارىشى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ئىككى دۇنيادىكى بەخت - سائادەت، ماددىي راھەت يولىدا ئىزلىنىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەخت - سائادەت ماددىي راھەتتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى بىلىملىك ۋە ئەقىل - پاراسەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت، پەقەت بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەتلا ياخشىلىق قىلىشقا ئېلىپ كېلىدۇ، بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت بولغاندىلا دۆلەتنى ياخشى باشقۇرغىلى، قانۇن
ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنداقلا، پەقەت بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادەتلا ئۆزۈن مۇددەتلىك بولىدۇ، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، تەننىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىدىن كەلگەن بەخت بولسا تۇراقسىز بولىدۇ دەپ قاراپ كىشىلەرگە،
3346 ھاۋاغا بېرىلمە، ئەقىل بىرلە كەس، تەننىڭ باش كۆتەرسە، بىلىم بىرلە باس.
دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ، ئاساسلىق ئەقىلنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىلىم يولىدا ئىزلىنىشنى، شۇ ئارقىلىق ئەڭ زور، مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ كىتاب نامىنى «قۇتادغۇبىلىك» دەپ قويۇشى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرگە بەخت - سائادەت، خۇشال - خۇراملىققا ئېرىشىشنىڭ سىرى باشقا يەردە بولماستىن، دەل ئىدراكنىڭ كۈچى بىلەن پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەشتە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت.
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھۆكۈمدارلاردا بىلىم بولسىلا ئاندىن دۆلەتنى باشقۇرالايدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولالايدۇ، ياخشىلىق قىلالايدۇ؛ بىلىم بولغاندىلا ئەڭ زور بەخت - سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ، ئەمەلىيەتتە بىلىمنى يادرو قىلغان بەخت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇنى
تۈزۈمنىڭ دۆلەتنى تۈزەش لايىھىسىنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىنغان. ئۇ ھۆكۈمدارلارنى، مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاشتا ئۆلار نەسلى نەسەبزادە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىلىملىك، ئەقىل - پاراسەتلىك بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە ناھايىتى كۆپ سەھىپىلەرنى ئاجرىتىپ، ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ھېكمەتلىك شېئىرىي جۈملىلەر ئارقىلىق بىلىمنىڭ كۈچى ۋە رولىنى مەدھىيىلەيدۇ:
150 بىلىم بەردى، ئىنسان زورايدى بۇ كۈن، ئەقىل بەردى، شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن.
208 پۈتۈن ياخشىلىقلار بىلىم نەپى ئول، بىلىم بىرلە تاپتى مىسال كۆككە يول.
288 ئەقىلدۇر چىراغدەك قاراڭغۇ تۈنى، بىلىم - ئۇ يورۇقلۇق، يورۇتقاي سېنى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك ھېكمەتلىك سۆزلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇتتۇرا ئەسىر دىنىي جاھالەتچىلىكى شارائىتىدا ئۇتتۇرغا قويۇلغانلىق ئېتىبارى بىلەن تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ خۇددى مۇئتاتازىلاخمىچىلارنىڭ «ئادەمىيلىك ئەڭ گۈزەل زىننەت - بىلىم»، «ئالىملارنىڭ سىياسى - شۆھرەتلىرىنىڭ قېنىدەك تېزلىنىشى كېرەك» دېگىنىدەك ھېكمەت319
لىك سۆزلىرىگە، يېقىنقى زامان ماتېرىيالىزمچىسى بېكوننىڭ «بىلىم — كۈچ» دېگەن جاراڭلىق شوئارىغا ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرىنى چېچىپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق ھالدا چاقناپ، بىزنى ئىلىم-پەن يولىدا ھارماي ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىمنى مەدەنىيلىكتە، ئونىڭ كۈچى ۋە رولىنى ئادەتتىكى مەنىدىن مەدەنىيلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئەخلاققا تەتبىقلايدۇ، ئۇنى چوڭقۇر ئەخلاق مەنىسىگە ئىگە قىلىدۇ، بىلىم بىلەن ئادالەت، ياخشىلىق قىلىش، بەخت-سائادەت قاتارلىق ئەخلاق كاتېگورىيىلىرىنى ئورگانىك ئاساستا زىچ بىرلەشتۈرىدۇ، شۇ ئارقىلىق بىلىمنىڭ ئەخلاق ھەرىكەتلىرىدىكى ئورنى ۋە رولىنى تۇرغۇزىدۇ. ئەخلاق ئىلمىي تارىخىدا سوكرات «بىلىم — ئەخلاق» دېگەن ئىدىيىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەخلاق بىلەن بىلىمنىڭ بىرلىكىگە ئاساس سالغان بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىلىم — بەخت» دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەخلاق تەرەققىياتىغا يېڭى يول ئېچىپ بەرگەن دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق ئىلمىي تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى بولۇپ، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
5. ئائىلىنى ئاساس قىلغان ئەخلاق تەربىيىسى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى تۈزەش، دۆلەت
نى باشقۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەلىم - تەربىيىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭنىڭ تەلىم - تەربىيە توغرىسىدىكى تەدبىرىدە ئەخلاق تەربىيىسى بولۇپمۇ ئۆزگىچە ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇ تەلىم - تەربىيىنىڭ مەقسىتى دۆلەتكە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان، خۇدانى ئىززەتلەيدىغان ھۆكۈمدارلارنى تەربىيىلەش، پايدىلىق ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ، مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ياشلارغا ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى زايه قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
360 تىرىش، توغرا يولدىن ئاداشما ھامان، يىگىتلىك كەتكۈسىز بېكار، پايدىلان!
پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن باشلاپلا ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگىتىش، بولۇپمۇ ئۇلارغا ئەخلاق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ:
1489 قاراپ تۇر، ئۆگەت ئاڭا ئەردەم، بىلىك، بىلىم پەزىلەت بولسۇن ئەلگە يېتەك.
1490 يېتىلسۇن، تۈزەتسۇن قىلىق - ھەرىكەت، لاياقەت بىرلە ئۇ تاپسۇن خىزمەت.
«قۇتادغۇبىلىك» تىكى بايانلاردىن قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى
ئائىلە تەربىيىسىدىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلانغان:
4504 تۇغۇلسا ساڭا كەبى قىز - ئوغۇل، ئانا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
4505 ئېرىغ ياخشىنى ئال ئۆزۈڭگە قىلىپ، ئوغۇل - قىز ئۆسەر پاك ۋە ساغلام بولۇپ.
ئائىلە تەربىيىسىدە ئۇ ئاتا ئانىنىڭ پەرزەنتلەرگە بولغان تەربىيىسىنىڭ رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ:
1486 ئوغۇل - قىز سەۋەبى ئاتا ھەم ئانا، بۇزۇلسا قىلىقى، تۈزەلسە يانا.
1218 ئاتا ئەھمىيى سىڭسە ئوغلىغا كۆپ، بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇيى - پەيلى خۇپ.
1224 كىچىك چاغدا ئوغلىنى قويسا ياۋا، ئوغۇلدا گۇنا يوق، ئاتاغا جاپا.
شۇڭا، ئاتا - ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۇلارغا بىلىم ۋە ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىتىشى، ئۆزى ئۆلگە بولۇشى كېرەك. شۇندىلا پەرزەنتلەر بەخت تاپىدۇ، ئاتا - ئانا بولغۇچىلارمۇ
بەختلىك بولىدۇ؛ پەرزەنتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تەربىيىلىمەسلىك ئۆزگىمۇ، پەرزەنتلەرگىمۇ بالايى - ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ:
1220 ئەگەر چىڭ تۇتۇلمىسا ئۆسكەن ئۇ ئوغۇل، بولۇر زاۋال، ئاندىن سەن ئۈزگىن كۆڭۈل.
1223 كىمنىڭكى بولۇر ئەركە ئوغلى - قىزى، چېكىپ ئاھ ۋە ھەسرەتتە يىغلار ئۆزى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولىغا ئېتىبار بىلەن قارىشى، ئاتا - ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق تەربىيىسى بېرىشتىكى رولىغا ئېتىبار بىلەن قارىشى، پەرزەنتلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۆزى ھازىرمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھازىر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەدەنىيەتلىك، ئەدەبلىك بولۇش تەربىيىسى پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭغا زىچ ماسلىنىش، مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەلەپىگە ئاساسەن بىر ئەۋلاد مەدەنىيەتلىك، ئەدەبلىك كىشىلەرنى تەربىيىلەپ چىقىشتا بىز ھەر بىر ئاتا - ئانىغا قارىتا ئېيتقاندا بىر خىل قوزغىتىش، رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە،
تارىخىي چېكلىك ۋە سىنىپىي مەيدان قاتارلىق تەرەپلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىمۇ نۇرغۇنلىغان فېئوداللىق ئەخلاق قاراشلىرىدىن خالى بولالمىغان، بۇلارغا قارىتا تارىخىي ئاساستا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە تەھلىل يۈرگۈزۈشىمىز، ئۇنىڭ ئەخلاق ئىدىيىسىنىڭ ئاكتىپ مەزمۇنلىرىنى تەتقىقىي ئاساستا قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاسسىپ تەرەپلىرىنى چىقىرىپ تاشلىشىمىز لازىم.
يۇقىرىقىلاردىن سىرت، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلىنىڭ باشقا ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، مەسىلەن: نىكاھ، ئائىلە، مەجبۇرىيەت، ۋىجدان، ئەخلاقىي باھا قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ مول ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ھازىرمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ماقالىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتا بۇ تەرەپلەر بولمىغاچقا، بۇ يەردە بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمايمىز.
يۇقىرىقىلارنى خۇلاسىلىگەندە شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق ئىدىيىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھازىر مەلۇم بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق قارىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئەخلاق ئىدىيىسىنىڭ پارلاق نامايەندىسى بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇنىڭ ئەخلاق قارىشى تارىخ تەتقىقاتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىلغار ئەخلاق قارىشى.
قەدىمكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئىپادىلىرى
غەيرەتجان ئوسمان
ئىجتىمائىي ئاڭ — ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىپادىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قورشىغان مۇھىتقا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ۋە ئىجتىمائىي جەرىيانلارغا نىسبەتەن ھاسىل قىلغان بىلىشى.
ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ مەزمۇنى مەيلى توغرا، مەيلى ناتوغرا بولسۇن، ھەتتا خام خىيال بولسۇن، پۈتۈنلەي ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئىپادىسى، ئۇلارنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتتۇر.
ئىجتىمائىي ئاڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتكە بېقىنىدۇ؛ ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت، ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىت بەلگىلەيدۇ. ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىتنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، ئىجتىمائىي ئاڭمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئىجتىمائىي ئاڭمۇ قاچانلا بولمىسۇن ئۆزگىرىش بولۇشى مۇقەررەر.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ئەمەلىي
يەت جەريانىدا ئۆزىگە خاس بولغان تىلغار ئىجتىمائىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ، ئۆيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىنى توغرا ياكى بىر قەدەر توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى تىلغار ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ غايىۋى قورالىغا ئايلانغان. ئۇ كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىشتا تەشكىللىگۈچىلىك تىلغار رولىنى جارى قىلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە شەكىللەنگەن تىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرى 11-ئەسىردە ئۆلكەن قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى، شائىرى ۋە پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» تە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى، تېخىمۇ يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلۈش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى رەسمىي، بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي كىملىك تېمىسىغا ئايلانغان.
بۇ خىل ئىجتىمائىي كۆز قاراشلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۆۋەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى بەزى ئىزلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمىزنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ، ئۇستازلاردىن مەسلىھەت ئالماقچى:
شىنجاڭ رايونى دۇنيادىكى قەدىمكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت (جۇڭگو، ھىندى، گىرىك)، ئۈچ چوڭ دىن (بۇددا، خىرىستىئان، ئىسلام دىنلىرى)، ئۈچ چوڭ ئىقتىساد (چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك)، ئىككى چوڭ كارۋان يولى (قەدىمكى برونزا يولى، يىپەك يولى) ئۆزئارا كېسىشكەن ۋە ئۇچراشقان بىر نۇقتىدۇر.
بۇ يەردىكى رەڭدار - رەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، خىلمۇ خىل دىنىي ئېتىقاد ئىزباسلىرى، ھەر خىل تىل - يېزىقلار كۆپ تېپىلىشى شىنجاڭدىكى قەدىمكى خەلقلەرنىڭ بىلىمگە قىزىقىش، ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش روھىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئورخۇن دەۋرىدىكى «مەڭگۈ تاشلار» دا بىلىملىك كىشىلەرنىڭ دۆلەتنى تۈزەپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغانلىقى؛ بىلىمسىزلىك - نادانلىق زېھنىمىزگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى قاتتىق ھەسسە تىلىك قورالار بىلەن بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» (شەرق تەرەپ 3 - قۇر) دا بومىن قاغان، ئىستەمى قاغانلارنى تىلغا ئېلىپ: «ئىككىسى ئارىسىدا بەك تەشكىلسىز بولغان كۆك تۈرك خەلقى شۇنداق ئولتۇراتتى. بىلىملىك قاغان ئىدى، باتۇر قاغان ئىدى … يۇرتنى ئىدارە قىلىپ، تۆرە - ئادەت، قانۇنلىرىنى رەتكە سالدى.» دەپ بىلىملىكلەر مەدەنىيەتلەنگەن بولسا، بىلىمسىزلىك ھەققىدە: «ئۇنىڭدىن كېيىن كىچىك ئىنىسى چوڭ ئاكىسىغا ئوخشاش قىلالمىدى. ئوغلى دادىسىغا ئوخشاش بولالمىدى. بىلىمسىز
ئادەم خاقانلىقتا ئۆلتۈردى. يامان ئادەم خاقان بولدى. بۈيرۇقمۇ بەك قابىلىيەتسىز ئىدى … (تاخمىرى) تۈرك خەلقى ئۆز يۇرتىنى قولدىن بېرىپ قويدى …» دەپ يېزىلغان.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بىرى بولغان ماقال - تەمسىللەردىن خېلى كۆپ بولۇپ، بۇلار ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ھەققىدىكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:
تېكىستى: بىلىگ ئەردىگ ئەزگۈ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت، ئەردەمنى ئۆگرەنىپ ئىشقا سۇرا ①.
يەشمىسى: (بىلىملىك ئادەمنى ئەزىز تۇتۇپ سۆزىنى ئاڭلا، پەزىلەتنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىمنى قەدىرلەش، بىلىملىكنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىۋى پەزىلىتىنى ئەڭ تولۇق ۋە ياخشى چۈشەنگەن ئالىم ئىدى. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» تە «بىلىم» مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەسىرىنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە «بىلىم» نى بىر قىزىل يىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ توپ ئەندىشىسىنى مۇشۇ ئارقىلىق ئىپادىلىدى. شۇڭا يۈسۈپ خاس
① «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- توم، 558- بەت.
ھاجىپ ئۆز ئەسىرىگە «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) دەپ نام قويدى ۋە دۇنيادا ئەڭ تولۇق نەرسە «بىلىم» دەپ تەنتەنە بىلەن جاكالاشتى. نادانلىق، بىلىمسىزلىكلەرنى قاتتىق نەپرەت ئاستىغا ئالدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرىدا خاقانلاردىن تارتىپ، تۆۋەندە ئاددىي پۇقرالارغىچە بىلىملىك بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. مەسىلەن:
بىلىم بەردى، ئىنسان زورايدى بۇ كۈن، ئەقىل بەردى، شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن.
دەيدۇ.
شائىر كىشىلەر بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈنلا ئۆگىنىش ئەمەس، بەلكى خەلققە، جەمئىيەتكە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىش كېرەكلىكى، پايدىسىز نەرسىنى ئۆگەنمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر كىشىنىڭ ھەر قانچە كۆپ بىلىمى بولسىمۇ ئۇنى خەلققە، جەمئىيەت مەنپەئىتىگە ئىشلەتمىسە ئۇنداقتا، ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن يوق، ھەتتا زىيانلىق دەپ قارايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11 - ئەسىر شارائىتىدا، بىلىم ئەھلىنىڭ كەسىپلىشىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. كەسىپلىشىش بولمىسا، جەمئىيەت تەرەققىي قىلمايدۇ، ھەرقانداق ئادەم مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولۇشى كېرەك. ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى بىلىمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش لازىم.
214 گەر ئالىم تىلىنى چىقارمىسا تىل، يورۇتماس ئونىڭ ئىلمى ياتسىمۇ يىل.
215 ئەقىل ۋە بىلىم ئول ئۆز نەرسىدۇر ئەڭ، ئەگەر بولسا ئىشلەت، ئۇچۇپ كۆككە تەڭ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا فېئودالىزم روھى كىشىلىرىگە قارىماي «بەخت كەلتۈرگۈچى — بىلىم» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى قەدىمدىن بېرى ئۆلگۈسىز، زور ئېقىنغا ئايلانغان ھاياتلىق ساداسىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك مۆتەبەر كۆكۈرلەر ئارقىلىق خۇددى چوڭ سورۇنلاردىكى شۇئار توۋلىغۇچىلاردەك توۋلىنىشى ئىدى.
ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدە يولباشلىغۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلدى. يەنى، ئەمگەكچى خەلق بىرەر زور پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولىدىكەن، يولباشلىغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا موھتاج بولىدۇ. مۇشۇنداق ئېھتىياج تۈپەيلى تارىختا يولباشلىغۇچىلار ۋە داھىيلار مەيدانغا كېلىدۇ.
ھەر قانداق بىر دەۋردە كەڭ ئەمگەكچى خەلق بىرەر زور پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولىدىكەن، بىر ئورتاق ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەپەرۋەر قىلىنىشى ۋە ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئەمگەكچى ئامما ئۆلۈك كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۆ330
زىڭگە يات بولغان كۈچلەرنى مەغلۇپ قىلالايدۇ. لېكىن ئەھمىيەتسىز خەلقنىڭ پائالىيەتلىرى تەلەپ قىلىنغان بىر ئورتاق ئىدىيە ئۆز - ئۆزىدىن پەيدا بولمايدۇ. بەلكى خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغان، ئۇلارنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىنى چۈشەنگەن ۋە بۇ ئارزۇ - تەلەپلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولغان يولباشلىغۇچىلار، مەشھۇر شەخسلەر تەرىپىدىن ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇڭا، ئەھمىيەتسىز خەلقنىڭ پائالىيەتلىرى پىشىپ يېتىلمىگەن چاغدا، بۇ ئاۋۋال ئاز سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. مەشھۇر شەخسلەر بولسا تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇيۇشتۇرغۇچى بولۇپ رول ئوينايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ زور پائالىيەتلىرى يولباشلىغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشمىسە غەلىبە قىلالمايدۇ. بۇ توغرىدا لېنىن: «تارىختا بىرەر سىنىپ ئەگەر ئۆز ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان ۋە ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلالايدىغان ئۆز سىياسىي يولباشلىغۇچىلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئىلغار ۋەكىللىرىنى مەيدانغا چىقارمىغان بولسا ھۆكۈمران سىنىپ بولالمايتتى» دەپ كۆرسەتكەنىدى.
ئۇيغۇر خەلقى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى يولباشلىغۇچىلار مەسىلىسىگە جىددىي ئېتىبار بىلەن قارىدى. قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر» قەبىلىلىرى توغرىلىق رىۋايەتلەرنىڭ ھەر قايسىسىدا يولباشلىغۇچى بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىدا سۆزلەنگەن. مەسىلەن: ئاتاقلىق پارس تارىخچىسى رەشىد
دىن (مىلادى 1247 - 1307- يىللار) «جامىئۇت تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر رىۋايەتنى يازغان:
«خاقكەي تېغىنىڭ باغرىدا ئون ئېقىن بار ئىكەن. بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئون ئوغۇز (ئون ئۇيغۇر) قەۋمى دەپ ئاتىلىدىكەن. خاقكەي تېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە توققۇز ئېقىن بار ئىكەن. ئۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز (توققۇز ئۇيغۇر) دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ ئىككى جايدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقساقىلى يوق ئىكەن. يىللار ئۆتۈپتۇ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ھەر ئىككى قەۋمنىڭ ئىچىدىن كۆچۈمۈكرەك بىرى چىقىپ، باشقىلارغا ئاقساقال بولىدىكەن - دە، ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇر قەۋمىگە يولباشچىلىق قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە ئىككى يولباشچى بولمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭ بىر قۇرۇلتاي ئېچىپ، ئون ئۇيغۇرلار قەۋمىدىن ئىككى كىشىنى يولباشچىلىققا سايلاپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى «ئېلچۇر»، يەنە بىرى «كۆل ئېركىن» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ ئىككى يولباشچىنىڭ ئۆزى ۋە ھوقۇقى بىر - بىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.»
گەرچە بۇ رىۋايەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى يولباشچىلارنىڭ بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغان ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.
بىز «مەڭگۈ تاش» لاردىن قەدىمكى ئۇيغۇر جەمى
ئەمىيەتتە يولباشلىغۇچىلارنىڭ ئورنىنىڭ ۋە رولىنىڭ قانداق دەرىجىدە يەتەكچىلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىمىز. «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» (8-، 9-، 10-قۇر) دا مۇنداق جۈملىلەر بار: «(تۈرك خەلقى) سىلەرنى تەربىيەلەۋاتقان خاقانىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ھەر تەرەپكە كەتتىڭلار، ھەممىڭلار ئۇ يەردە يوقىتىلدىڭلار، ھالسىز ھالەتكە يەتتىڭلار، ئۇ يەردە قالغانلىقلار ھەر يەرلەردە ئاجىزلاپ، ئۆلەر ھالغا بېرىپ قالدىڭلار. تەڭرى تىل تېپىپ قىلغىنى، ئۆزۈمنىڭ بەختىم بارلىقى ئۈچۈن قاغان بولدۇم، قاغان بولۇپ ئاچ - يالىڭاچ خەلقنى پۈتۈنلەي توپلىدىم، يالىڭاچ خەلقنى باي قىلدىم، ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم، بولمىسا بۇ سۆزۈمنىڭ يالغىنى بارمۇ؟»
«… ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاستىدا قوقۇر يەر، ئىككى ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارالغان، ئىنسان ئوغلىنىڭ ئۈستىگە، ئەجدادىم بومىن قاغان، ئىستەمى قاغان قاغان بولۇپ، تۈرك خەلقى ئېلىنى، قانۇن، تۈزۈپ - تادەتنى ساقلاپ قالدى، تەرتىپكە سالدى. تۆت تەرەپنىڭ ھەممىسىدە دۈشمىنى بار ئىدى، ھەممىسىنى ئالدى، ھەممىسىنى بويسۇندۇردى؛ بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈپ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپ، شەرققە قىدىرخان ئورمانلىقىغىچە، غەربتە تۆمۈر قاپقىغىچە يېتىپ باردى …» دېيىلگەن.
مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يولباشچىلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان ھېسسىياتىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن:
4153 ئۇلۇغلۇققا ھۆرمەت بۇ جاھان قانۇنى، ئۇلۇغ كەلسە قوپۇپ كۈتۈپ ئال ئۇنى.
2371 يېشى چوك، جەسۇرلار كۆرەشچىنى — سەپ ئالدى قىل، باشلاپ ماڭسۇن جەڭچىنى.
3144 ياراملىق تېتىكلەر كۆپ بولسا ئەلدە، تاپۇر بەگ ئاسايىش ئىشلار ئەمەلدە.
بۇ بېيىتلارنى ئوقۇپ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە يولباشلىغۇچىلار قانچىلىك ئابرۇيغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يولباشلىغۇچىلارنىڭ ئۆزىسىنى مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ:
5202 بەگلەر — باش، قاياققا ماڭسا ئەل بېشى، ئەگەر ئەگىشۈرلەر بۇ بارچە كىشى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاۋام خەلقنى يولباشلىغۇچىلار تۈزەيدۇ، يولباشلىغۇچىلار بۇزۇلسا كىم تۈزەر (5203- بېيىت) دېيىش ئارقىلىق، يولباشلىغۇچىلارغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىر پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ:
219 قاچانكى جاھانغا چۈشۈپتۇ ئادەم، ئاقىللار تۈزەپ كەلدى ياخشى نىزام.
دېيىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا يول باشلىغۇچىلارنىڭ رولى قانداق ئىكەنلىكىگە مۇۋاپىق باھا بېرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يولباشچىلارنىڭ بولۇپمۇ سۆزلەپ قالماستىن، بەلكى ئۆلار تولۇق پەزىلەتلىك (2081 - بېيىت)، چىرايلىق، كېلىشكەن، بويى، ساقلىقى مۇۋاپىق (2083 - بېيىت)، كىشىلەر كۆرگەن ھامان پەخىرلىنىدىغان بولۇشى (2084 - بېيىت) لازىملىقىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن بېرى ئۆز يولباشچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئۆز ئەدەبىياتىدا شۇنداق گۈزەل قىلىپ تەسۋىرلىدى. مەسىلەن: «ئوغۇزخان رىۋايىتى» دە ئوغۇزخان تۆت تەرەپكە نىسبەتەن چىرايلىق، كېلىشكەن، ئەقىللىق بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە خاقان قىلىپ سايلىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
قەھرىمانلىق پائالىيەتلەر ۋە قەھرىمان شەخسلەرنى مەدھىيىلەش، ئۆلارنى پەخىرلىنىش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيىۋى پەزىلىتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى دەۋرلەردە تولاراق ئات ئۈستىدە يۈرگەن، ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلار كىشىلەردە تەبىئىي ھالدا قورقماسلىق، جەسۇرلۇق، چىدام - غەيرەت ۋە باتۇرلۇق روھىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا باتۇرلۇقنى ھۆرمەتلەش
رەسمىي ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان ھونلار ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان شۇڭقارنى ئېتىپ چۈشۈرەلمىگەننى جەڭچى ھېسابلانغان بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار بوراندەك ئۇچقۇر ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىپ، ئوقيانى نىشانغا تەگكۈزەلمىگەننى جەڭچى ھېسابلانغان. ئۇچار قۇشلار ئىچىدە ناھايىتى تېز ئۇچىدىغان قاناتلىق شۇڭقار بولۇپ، ئۇنى ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ئېتىش ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ھونلار ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى. تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىزلىرى باتۇر يىگىتلەرنى ئۆزلىرىگە جۆرە قىلىشنى ئىشقى - مۇھەببەتنىڭ، بىرەر يىگىتكە ياتلىق بولۇشنىڭ شەرتى قىلغان.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانىنىڭ تۆت مىڭ ئۇيغۇر ئوقياچى چەۋەندازنى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ، قەھرىمانلىقى بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالغان.
كەشمىرلىك تارىخچى مەۋلانە ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن (19- ئەسىر) «زۇبدەتۇل ئەخبار» (خەۋەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى) دېگەن كىتابىدىمۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەسكەرلىرى پەم - پاراسەت ۋە جەسۇرلۇق بىلەن يەڭگەن خان قىزىنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتنى خاتىرىلىگەن.
ئورخۇن دەۋرىدىكى مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىق
لىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەھرىمانلار ئۈچۈن ئورۇنتىلغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ باتۇر شەخسلەرنى ناھايىتى ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى مەشھۇر قەھرىمانى تۇڭا ئالپ ئەرنى يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيىلىگەندىن بۇ نۇقتىنى ئېنىق ھېس قىلىمىز:
277 بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك، تۇڭا ئالپ ئەر ئىدى بەختى بەلگۈلۈك.
278 تىلىمدە بۈيۈك، كۆپ پېزىللىك دىلى، بىلىملىك، ئەقىللىق، خەلقنىڭ خىلى.
279 ئىدى ئۇ سەرە - خىل، زېرەك، ئەر تۇغلان، دۇنياغا زېرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەلنى ساقلاش ئۈچۈن سەگەكلىك كېرەكلىكىنى، بىپەرۋالىق قىلىش ئەلنىڭ ھۇلىنى بۇزىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ باتۇرلۇقنىڭ شەرتلىرىنى مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ:
2310 سوقۇشقاندا يولۋاس يۈرەكلىك كېرەك، تۇتۇشقاندا يىلۇز بىلەكلىك كېرەك.
2311 توگگۈز كەبى تەرسا، بۆرىدەك كۆچى، ئېيىقتەك ئېتىلغاق، قۇتازدەك ئۆچى.
2312 ئۆ بولسۇن ئېلىگە قىزىل تۈلكىدەك، ئادائەتچى بولسۇن بۇغرا تۆگەدەك.
2313 سېغىزخاندىن سەگەكرەك بولسۇن ئۆزى، كۆرسە قىيا قۇزغۇندەك يىراقنى كۆزى.
2314 قارا، بولسۇن ھەممىتىن ئۆ ئارسلان، كېچىسى ھۇقۇشتەك ئويغاق ھەر زامان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ نېمە ئۈچۈن باتۇر بولۇش كېرەك دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
2047 بولۇۋەرسە ئىتتە، كۆر، باش ئارسلان، بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان.
2048 ئەگەر بولسا ئىت ئۆ ئارسلانغا باش، بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىلەر باتۇر بولۇپلا قالماي، بەلكى سەگەك، چېچەن، ھوشيار، خىللانغان بولۇشنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى بولۇپ ئۆتكەن بەگلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى
تىكى سۆزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈدۇ ھەم يۈرىكىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ، خەلقنى دەپ ئۆيالمىغان يۈرەلمىگەن كىشى — ياخشى كىشى، دەپ توۋلايدۇ.
ئىنسانىيەت ئومۇمەن ئورتاقداشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپلا ئۆزلىرىگە مۇئەييەن بىر ئىسىم قويۇش ئارقىلىق ئۆزئارا پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەنىدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەردە ئادەم ئىسمىنى قويۇش ئادىتى ئومۇمەن ئوخشىمايدۇ.
ئىسىم — مەدەنىي دۇنيادا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىپادە ۋاسىتىسى بولۇپ، مىللەتشۇناسلىق، ئېتنوگرافىيە، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بىرقانچە ئىسىم ئارقىلىق خېلىلا مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن. ھەتتا بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى ئورنىنى، ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەريانىنى ئېنىقلاپ چىقىش ياكى بەلگىلەش مۇمكىن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى ئۆز ئىسىملىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، جىددىي مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن. ئۆزلىرىگە مۇئەييەن مەنىگە ئىگە، سەۋىيەلىك، گۈزەل، يېقىملىق، ئورۇنلۇق، ئوقۇشلۇق، ئىخچام، ھەيۋەتلىك ئىسىملارنى نام قىلىپ قويۇشتى. بىز بۇلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىنى خېلىلا چوڭقۇر چۈشىنىۋالالايمىز.
مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»
تە تۆت ئاساسىي پېرسوناژ ئوبرازىنى ياراتقان بولۇپ، ئۇلارغا قويۇلغان ئىسىم چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. يەنى، ئاشۇ مۇئەللىپنىڭ ئوبرازلارنىڭ ئىسمى بىلەن جىسىمنى بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلاش خاھىشىنىڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر.
مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز پېرسوناژلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تاللاش ۋە قويۇشتا مۇئەييەن بىر ئىدىيىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىش كۆرگەن. بىز تۆۋەندە بۇلارنى ئايرىم - ئايرىم مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:
كۈنتۇغدى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە ياراتقان باش قەھرىمان ھۆكۈمدار ئېلىك بولۇپ، مۇئەللىپ ئۆز غايىسىدىكى دۆلەتنىڭ خاقانى قىياپىتىدە تەسۋىرلىگەن ۋە كۈنتۇغدى دەپ ئاتىغان.
كۈن — ئىنسانلارغا يورۇقلۇق (ئىسسىقلىق)، ھاياتلىق بېغىشلىغۇچى. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتىسى، شۇنداقلا ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھەم ئەڭ مەنپەئەتلىكى.
ئىنسانلار ناھايىتى قەدىمكى دەۋردە مۇقىم بىر جايدا تۇرمۇش كەچۈرمىگەچكە، زېمىندىكى تەبىئىي مۇھىت ئۇلارنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇشىغا ئەگىشىپ دائم ئۆزگىرىپ تۇرغان. ئەمما ئاسماندىكى كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار بولسا ھەمىشە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى دائم تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىچ
ئالاقىدار بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى ھەرىكەتلىك ئومۇمەن ئاسمان بوشلۇقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. قەدىمكى كىشىلەر ئاسمان بوشلۇقىغا نەزەر سالغاندا ئالدى بىلەن دىققەت قىلىدىغىنى كۈن، ئاي، يۇلتۇز، بۇلۇت قاتارلىق ئاسماندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەيئىلەر چەكسىز كەتكەن قۇملۇق ۋە تۈزلەڭلىكلەردە قۇياش قاتارلىقلارمۇ كىشىلەرنىڭ تەرەپلىرىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. بىراق، قەدىمكى زامانلاردا كىشىلەر دۇنيانى، قۇياشنى تېخى ئىلمىي ئاساستا بىلىپ كېتىشى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆپلىگەن ھېسسىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ قۇياشقا چوقۇنۇشى تەبىئىي ئىش ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى دەۋردە كۈن ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىغا ئالاھىدە قاراش ياكى چوقۇنۇش چۈشەنچىسىدە بولغان.
«تارىخىي خاتىرىلەر، ھونلار تەزكىرىسى» دە «ھون تەڭرىقۇتى ئەتىگەندە قارارگاھىدىن چىقىپ، كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشقا چوقۇنىدۇ. كەچتە ئايغا چوقۇنىدۇ» دېيىلگەن. شۇنداقلا ھون تەڭرىقۇتلىرى خەنزۇ خاقانلىرىغا يازغان خەتلىرىدە ئۆزىنىڭ «كۈن تەڭرى بىلەن ئاي تەڭرى» تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەتتى. «جۇ سۇلالىسى تارىخى، تۈركلەر تەزكىرىسى» دە: «تۈرك خاقانى ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرىدۇ. شەرق تەرەپتىن چىققان قۇياشقا چوقۇنۇش ئۈچۈن بارگاھىنىڭ ئىشىكىنى شەرققە قارىتىپ ئاچىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن.
قەدىمكى تارىملىقلارمۇ قۇياشقا چوقۇناتتى. كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى جەسەتنىڭ قەبرىسىنىڭ كۈنگە سىمۋول قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بۇ نۇقتىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«ھون» دېگەن سۆزنى بەزى ئالىملار قەدىمكى تۈركچە «كۈن» دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ قاراشماقتا. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ھونلارنىڭ ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئالىي ھېسابلاپ، ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە «كۈن» نامى بىلەن ئاتاشقانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ قارىشىدا كۈن، ئاي، يۇلتۇز ۋە كۆك (ئاسمان) بىر گەۋدىلىك ئۇقۇم ھېسابلىناتتى. چۈنكى، ئاسمان جىسىملىرى ئاسمان بوشلۇقىغا جايلاشقان ياكى بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلارچە كۈن، ئاي، كۆك (ئاسمان) ئوخشاشلا «تەڭرى» دۇر.
بىز بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئېپوسى «ئوغۇزنامە» دىن يەنىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايمىز.
«ئوغۇزنامە» ئېپوسىنىڭ ئاخىرىدا ئوغۇزخاننىڭ ئەل - جامائەتنى يىغىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، بىر مەيدانلىق ئىككى تەرەپكە 40 قۇلاچلىق ئىككى خادا يىقىتىپ، شەرق تەرەپتىكى خادىلىق ئۇچىغا ئالتۇن توخۇ، غەرب تەرەپتىكى خادىلىق ئۇچىغا كۈمۈش توخۇ بېكىتىشى بىر تەرەپتىن شامانىزمنىڭ تەسىرى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسمان جىسىملىرىغا
رىغا «كۈن»، «ئاي» غا چوقۇنۇش ئەقىدىسىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى كۈن قىزىل بولۇپ، شەرققە چىقىدۇ. ئالتۇن توخۇ بۇنىڭ سىمۋولىدۇر. ئاي كۆكۈش كۈمۈش رەڭلىك بولىدۇ، نۇرىمۇ كۈمۈش توخۇ سىمۋول قىلىنغان. «تېرىخىي مەزكۇر تېشى» (7537) 3- قۇردىكى «ئالدىمدا كۈن چىقىشتىكى، ئارقامدا ئاي چىقىشتىكى خەلقلەر ماڭا (ئۆزلىرىنىڭ) كۆچلىرىنى بېرىدۇ» دېگەن جۈملىلەردىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە كۈن ۋە ئايغا قايسى تەرەپتىن قاراش چۈشەنچىسىنى ئېنىق چۈشىنىۋالالايمىز.
ئاسمان ياكى قۇياشنى مەركەز قىلغان تەبىئەتكە چوقۇنۇش قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇش ئىقتىدارى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىدى. شۇڭا كىشىلىك دۇنياسىدا ھەر خىل تۈرۈك ۋە قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن، شۇنداقلا دىنىي جەھەتتىن يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە قەبىلىلەر بىرلىشىمىنىڭ باشلىقى، ئاقساقىلى ۋە ياكى ئونىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن خاقانلارغا مۇناسىپ ئاسمان تەڭرىسى دەپ چۈشەندۈرۈشى تەبىئىي ئىدى.
قەدىمكى ئىنسانلار مانا شۇنداق چۈشەنچىنىڭ ياردىمى بىلەن زېمىندىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئورۇندىكى كىشى ياكى خاقان بىلەن ئاسماندىكى ئەڭ كاتتا جىسىم «كۈن»نى تەڭ ئورۇنغا قويغان، بۇ ئارقىلىق خاقانلار ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.
مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە ياراتقان ئوبرازلارنىڭ بىرى ھۆكۈمدار ئېلىككە — كۈن (تۇغدى)، ۋەزىرگە ئاي (تولدى) دەپ ئىسىم قويۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېلىككە نېمە ئۈچۈن «كۈن» (تۇغدى) دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى بېيتىدىن ئېنىق چۈشىنىمىز:
824 ئېلىك دېدى: ئالىم بۇ قىلىقىم كۆرۈپ، قويدى بۇ ئېتىمنى كۈنگە ئوخشىتىپ.
825 قارا، كۈن تۇغۇلماس — ھەمىشە پۈتۈن، يورۇقى بىر دەكلا ۋە پارلاق تولۇن.
826 مېنىڭمۇ قىلىقىم ئاڭا ئوخشىدى، ئادالەت بىلەن تولدى، كەم بولمىدى.
827 ئىككىنچى، تۇغار كۈن، يورۇر بۇ جاھان، تومۇمغا چاچار نۇر، كېمەيمەس ھامان.
828 مېنىڭمۇ ھۆكمۈم شۇ، يوقالماس ئۆزۈم، پۈتۈن خەلققە بىردەك قىلىقىم سۆزۈم.
829 ئۈچىنچى، ئىسسىيدۇ يەر، تۇغقاندا كۈن، چېچەك ئاچىلۇر ئاندا تۈمەنلىك تۈسۈن.
قايۇ تىلگە كىرسە، مېنىڭ قانۇنۇم، ئۇ تىل تۈزىلەر بولسا تاش يا قورۇم ①.
تۇغار كۈن بېرىخ يا تېرىخسىز دېمەس، ئۇمۇمغا يورۇقلۇق بېرەر كېمەيمەس.
مېنىڭمۇ قىلىقىم مۇشۇنداق بولۇش، مېنىڭدىن جەمىيگە تەڭ كېلىش.
دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۈن توغدى ئېلىگنى خاقان ئورنىدا تەسۋىرلەپ، ئۇنى ئادىل، مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى قىلغان؛ خاقانلارنىڭ توغرا، مۇستەھكەم ۋە نۇرلۇق يول تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنى كۈنگە ئوخشاتقان ۋە «كۈنتۇغدى» دەپ ئاتىغان. قۇياش بولمىسا ھاياتلىق بولمايدىغانلىقنى ۋە يورۇق ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدىغانلىقنى كۆزدە تۇتقان. ھالبۇكى يۇرت - جامائەتنىڭ بىر يولباشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ بىر بېشى بولمىسا بولمىغاندەك، شۇ چاغدىكى قاراخانىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بۇزۇلۇشتىن تۈزۈلۈشكىچە بولغان پۈتكۈل جەريانغا كۈنتۇغدىغا ئوخشاش بىر باشلىق ھۆكۈمدار بولۇشى توغرا تاپقان. كىشىلەرنى ئەنئەنىۋى قاراش ئارقىلىق قايىل قىلىش يولى بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ مېھرىنى تارتماقچى بولغان. بۇ جەھەتتىكى مۇنازىرە ۋە ئوبرازلارنى
① قورۇم — (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) قورام تاش.
ئەسەر سەھىپىسىدە كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىمۇ، «ئاي» (تولدى) دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىشىمۇ، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇش ئەقىدىسىنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىسى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى بولغان ھونلار تۇرۇش قىلغاندا «دائىم ئاي تولۇنلىغاندا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاي كىچىكلىگەندە چېكىنىپ چىقىدىكەن»①.
قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە «ئاي» ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدە كۈندىن قالسىلا 2- چوڭ جىسىم دەپ قارىلاتتى.
كۈن كۈندۈزنى يورۇتسا، ئاي تۈننى يورۇتىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئىنسانلارغا يورۇقلۇق يەتكۈزۈپ بەرگۈچى شەيئى، قەدىمكى ئىنسانلار ئاينىڭ كۈندىن يورۇقلۇق ئالىدىغانلىقىنى ۋە كۈننى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن، ئاي كۈنگە نىسبەتەن كىچىك ئىكەنلىكىدىن، ئاي دائىم بىر خىل تۇرماي، كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ، چوڭلۇقتىن كىچىكلەپ يوقىلىپ، بەزىدە شەرق تىن، بەزىدە غەربتە كۆرۈنىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، قەدىمكى ئىنسانلار ئۇنىڭغا چوقۇنغاندا پەقەت يورۇقلۇق بەرگەنلىكى، شۇنداقلا چىرايلىق ئىكەنلىكىگە قىزىقىش ھېسسىياتىدا بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى كۈندىن كېيىنكى ئىككىنچى تەڭرى دەپ قارىدى. ئۆزىمۇ خاقانلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، ئۇنى قوغدايدۇ، ھىمايە قىلىدۇ. ھۆكۈمدار--- ① بەڭگۇ: «خەننامە» ھونلار تەزكىرىسى.
نىك ھۆكۈم يارلىقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىر ئايتولدىنى بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى قىلغان. بەخت - يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزىرىدە ئايغا ئوخشاش ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز نەرسە ھېسابلىناتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئەقىل - پاراسەت سىمۋولى قىلىپ ئۆگدۈلمىش ناملىق پېرسوناژ ئوبرازىنى ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىمۇ يۇقىرىقى ئىككى پېرسوناژنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش ئىسىمنىڭ جىسمىغا ماسلاشتۇرۇلۇشىدۇر. شۇنداقلا، ئەنئەنىۋى قاراش ئاساسىدا قويۇلغان ئىسىمدۇر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆگ» ئەقىل - پاراسەت مەنىلىرىدە ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانلىرى ۋە يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى (ھەم باشقا كىشىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن ئۆز ئىسىملىرى ئالدىدا، ياكى ئۆزىنىڭ خاس ئىسمىنى بىلىملىك، دانا، ئەقىللىق دەپ ئاتاشنى ئۆزاقتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە. مەسىلەن: ھون تەڭرىقۇتى مودۇ (باتۇر) ئۆزىنى دەسلەپ «تۇغ» دەپ ئاتىغان، «تارىخىي خاتىرىلەر» دىكى ئىزاھلاردىن قارىغاندا، «تۇغ» سۆزى شۇ دەۋرلەردە «بىلگە، دانا» مەنىسىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچە تارىخىي كىتابلارغا ھونلار ئەمەلدارلىرىنى «ئوڭ تۇغ خان» (右贤王) نى «ئوڭ بىلگە خان»؛ «سول تۇغ خان» (左贤王) نى «سول بىلگە خان» دەپ تەرجىمە قىلىپ قوللانغان.
ئورخۇن دەۋرىدىكى مەڭگۈ تاشلاردا تۈرك ۋە ئۇيغۇر
غۇز خاقانلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ «بىلىگ» - بىلىملىك، دانا دېگەن سۆز ئىكەنلىكى ياكى خاقان، خاتۇنلارنىڭ ۋە ۋەزىرىلەر ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا «بىلگە» دېگەن سۈپەت سۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، بىلگە خاقان، بىلگە خاتۇن، بىلگە تونىيۇقۇق، كۆل بىلگە خاقان دېگەندەك.
سوۋېت تىلشۇناسى باسقاكوف تۈركىي خەلقلەرنىڭ خاقان ۋە خانلىرى «دانا، ئەقىللىق دانا، كۈچلۈك» دەپ ئاتاش ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، «ئوغۇز خاقان» دېگەن ئاتالغۇنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ۋە بىر قاتار ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق «ئوغۇز» دېگەن سۆزنىڭ «دانا»، «بىلىملىك» دېگەن مەنىدىكى تۈپ سۆز «ئۆگ» كە مەلۇم مەنىگە ئىگە «ئۇز» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى①. ئۇنىڭ قارىشىچە «ئۆگۈز» كېيىنكى «ئوغۇز» غا ئۆزگەرگەن بولۇپ، مەنىسى «بىلىملىك، دانا» ئىكەن.
ئورخۇن ئۇيغۇر خاقانلىقى دەۋرىدىكى داڭلىق خاقانلارنىڭ بىرى بولغان «بۆگۈخان» نىڭ ئىسمىدىكى «بۆگۈ» دېگەن سۆزمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بىلىملىك، دانا» دېگەن مەنىدە قوللىنىلاتتى.
«قۇتادغۇبىلىك» تە يارىتىلغان «ئۆكتۈلمىش» ئوبرازى ھەقىقەتەن بىلىم، دانالىقتا كامالەتكە يەتكەن ئادەمنىڭ ئوبرازىدۇر، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھا--- ① ژاڭ جىيې: «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى تەتقىقات»، («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1983-يىل، ئىككىنچى سان).
جىپىنىڭ توپ ئىدىيىسى، ئارزۇ - غايىسى تۆكۈلۈش ئوبرازىدا گەۋدىلىنىدۇ.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئەدەبىيات بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئەكس ئېتىشى بولغان. بۇ خىل ئەكس ئېتىشنىڭ مەزمۇنى ئەلۋەتتە ھەر خىل ئىدى. بەزىلەردە تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەش لەر ئەكس ئەتسە، بەزىلەردە تەبىئەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىنتىلىشلەر، يەنە بەزىلەردە تەبىئەتكە سۆيۈنۈش ھېسسىياتى ئەكس ئەتكەن. ھەتتا يەنە بەزىلەردە تەبىئەتتىن ۋەھىمە يەپ، قورقۇش ھېسسىياتى ئەكس ئەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تەبىئەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببەت، سېغىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلاردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىدا تەبىئەتنى تەسۋىرلەش ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ. بۇنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا كەلتۈرۈلگەن مىساللاردىن كۆرۈش مۇمكىن:
تېكىستى: ئېتىل سۈيى ئاقا تۇرۇر، قايا تۈپى قاقا تۇرۇر. بالىق تەلىم باقا تۇرۇر، كۆلۈك تاقى كۆشەرۈر①.
① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- توم، 100- بەت.
يېشمسى: ئېدىل سۈيى ئېقىپ تۇرىدۇ، قىيالارنىڭ تۈۋىگە سوقۇلۇپ تۇرىدۇ. بېلىق، پاقا تولۇپ تۇرىدۇ، كۆلچەك تېخى تېشىپ تۇرىدۇ.
تېكىستى: تۈرلۈك چېچەك يازىلدى، بارچىن بازىم كەرىلدى تۇچماق يېرى كۆرۈلدى، تۇملۇغ يەنە كەلگۈسىز ①.
يېشمسى: تۈرلۈك چېچەك يېزىلدى، گويا كىمخاب سېلىنچى سېلىندى. جەننەت يېرى كۆرۈلدى، قىش ئەمدى كەلمەسكە كەتتى.
خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەرگە كىرگۈزۈلگەن قەدىمكى «ھون قوشىقى» دېمۇ تەبىئەت تەسۋىرى بىرلەشتۈرۈلگەن:
ئايرىلىپ قالغاندا تەڭرى تاغدىن، ئاقۇماس بوپقالدى چارۋا مالىمىز. ئايرىلىپ قالغاندا ئالچى تاغدىن، مۇڭلىنىپ سارغايدى قىز - ئايالىمىز.
① «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- توم، 141 - بەت.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئەدەبىي يادىكارلىقى بولغان «تېلى قوشىقى» دا تەبىئەت ھەقىقىي ئوبرازلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى تەسۋىرلىگەن شېئىرلىرىنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئەڭ رو- شەن ۋە ئەڭ يارقىن ئىپادىسى:
چوغايلارنىڭ تاغلىرى ئاستىدا ئاقار، تېلىلەر دەرياسى ئويناپ - دولقۇنلاپ. ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارىگاھسىمان، تۇرىدۇ چەكسىز دالانى قاپلاپ.
شۇنچە كۆك، غۇبارسىز ساماۋى ئاسمان، دالالار بىپايان كۆرۈنمەيدۇ قاش. كۆرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا - مال، شاماللار يەلپۈسە، ئوتلار ئەگسە باش.
بۇ قوشاقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان گۈ- زەل ۋە باياشات يايلاق (تەبىئەت) مەنزىرىسى رېئالىس- تىك ئاساستا جانلىق ۋە كونكرېت سۈرەتلەنگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ شېئىرىي تىل ئارقىلىق تەبى- ئەتنى تەسۋىرلەشتە يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان شائىرلار- نىڭ بىرى. ئۇ ئۆز ئەسىرىنىڭ بېشىدا تەبىئەت تەسۋى- رىگە مەخسۇس باب ئاجراتقاندىن باشقا، ئەسەرنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا يەنە تېگىشلىك ئورۇن بەرگەن:
63 ئېسىپ كەلدى شەرق تىن باھارنىڭ يېلى، بېزەش كە جاھان ئاچتى جەننەت يولى.
64 قۇڭۇر يەر ئىپار تولدى، كافۇر كېتىپ، بېزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ.
69 دالا، تاغ، قىر، ئورمان تۆشەندى يېشىل، بېزەندى ئادىللار يېشىل، ئال كىيىپ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەبىئەتنى تەسۋىرلەگەندە نوقۇل تەسۋىرلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تەبىئەت رېئاللىقى بىلەن جەمئىيەتنى چەمبەرچەس باغلىغان ھالدا تەسۋىرلەيدۇ. تەبىئەتنى شۇنداق ماھارەت بىلەن تەسۋىرلەپتۇكى «تەبىئەت (پېيزاژ)نى ئىنسان پىسخولوگىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەيدۇ. ئەدەبىياتتىكى مۇنداق تەسۋىرلەش ئۇسۇلى جاھان ئەدەبىيات تارىخىدا 16 — 17-ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا 11-ئەسىردىلا مەيدانغا كەلگەن»①.
3948 يوشۇردى يۈزىن يەرگە رۇمى قىزى، جاھاننىڭ تۇسى، بولدى زەڭگى يۈزى.
① شېرىپىدىن ئۆمەر: «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ بەدىئىي مېتودى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىشلەر»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى 1984-يىل 3-سان (مۇشۇ كىتاب 209-بەت — تەھرىر).
3949 ھاۋا ئالدى پۈتكۈل قارا قۇش تۈكى، جاھانغا تولدى ھەم قارا قۇش يۈكى.
3950 تۆشەك راسلاپ ئۇ ياتتى ئويلاپ ئۇزۇن، كۆرۈشكەچ قاياشقا نېمىلەر دېسۇن…
3951 يۇمۇپ كۆز بىر ئازلا، ئويغاندى يانا، كۆيۈپ ئۆچكەن كۆمۈردەك قارا تۈن مانا.
3952 قېچىپ ئۇيقۇ، قوپتى ئۇ تۆرە بولۇپ، قارا تۈن كۆتۈرگەن ئىتەككە تۇرۇپ.
3953 قۇياش قوپتى يەردىن كۆتۈرۈپ بېشىنى، ئۇچۇق يۈز كۈلەردەك كۆرسەتتى چىشىنى.
4959 قىزىل يۈزى بولدى پەلەكنىڭ سېرىق، جاھان بولدى ئالتۇن رەڭدەك ئېرىق.
4960 قۇياش سۈرتتى يۈزگە سېرىق زەپىران، ھاۋا رەڭ شېشىگە پۈركەندى جاھان.
4961 مەشئەللەر قېشىدەك بولۇپ ئاسمان، ھەبەش - زەڭگى تۈسكە كىردى جاھان.
4966 پەلەك يىرتتى كىيگەن قارا كۆڭلىكىنى، كۆتۈرۈپ پەردىنى، ئۇ ئاچتى يۈزىنى.
4967 كۈلۈپ باقتى ئۆرلەپ گۈزەل قىز يۈزى، يورۇدى جاھاننىڭ ھەر ئىككى يۈزى.
4968 قۇياش چىقتى ئۆرلەپ، كۆرسەتتى ئۆزىن، يورۇتتى ۋادى ھەم دەريالار يۈزىن.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېنسىكلوپېدىك ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» تە ئالغا سۈرگەن خېلى كۆپ ئىجتىمائىي كۆز قاراشلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي ئەخلاق قائىدىلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىزنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز توغرا كېلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇش، ساقلاپ راۋاجلاندۇرۇش ۋە نامايىش قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك جاسارىتى بىزنى زور ئىلھامغا ئىگە قىلدى.
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلىرىم پەقەت دەسلەپكى ئىزدىنىش بولغانلىقتىن، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئازدۇر - كۆپتۇر كۆپتۈرۈۋېتىش، چەتنەپ كېتىش بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سۆزۈمنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم:
205 سۆز ئېيتقان كىشىلەر ئازار، ئالدىرار، ئەقىللىق ئىشتىن تۈزىتىپ بارار.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ — ھەربىي تەدبىرلەر توغرىسىدا
تۇرغۇن ئالماس
9-، 13- ئەسىردىن — ئەسەرگىچە بولغان بىر تارىخىي مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا شانلىق بىر دەۋر بولدى.
ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتى (870 — 1212) مىلادىنىڭ 1000- يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرلەشكەن، كۈچلۈك، باي ۋە مەدەنىي بولغان سامانىلار دۆلىتى (870 — 1000) نى تارمار كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تېررېتورىيىسىنى ئۆزىگە قوشۇپ ئالغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇندىن باشلاپ قاراخانىلار دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ (يېزا ئىگىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق) تەرەققىي قىلىشى، تاشقى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ مىقياستا غۇلاچ يېيىشى، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن (بولۇپمۇ مۇسۇلمان شەرقى بىلەن) مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆچۈشى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە سەۋەب بولدى.
مىلادىنىڭ 920- يىلى سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان
مان بولغاندىن باشلاپ، ئىسلام دىنى ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىدە ھۆكۈمران دىن سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. شۇندىن باشلاپ قاراخانىلارنىڭ پايتەختى قەشقەر ۋە بالاساغۇنغا مۇسۇلمان شەرقلىرىدىن مەشھۇر ئالىملار كېلىپ قوندى. قەشقەر، بالاساغۇن قاتارلىق شەھەرلەردە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىندى. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا قەدىم يۇناننىڭ ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان پەلسەپىسى (پىلاتون، سوكرات، ئارىستوتېل ئەسەرلىرى)، تىبابەت ئىلمى (ھىپپوكرات، لوقمان)، ئېستېتىكا، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات پەنلىرى ئوقۇلدى ۋە تەتقىق قىلىندى. قاراخانىلار پادىشاھلىرىدىن سۇلتان بۇغرا خان (مىلادىنىڭ 920- يىلىدىن 956- يىلىغىچە پادىشاھ بولغان)، ھەسەن بۇغرا خان (مىلادىنىڭ 1072- يىلىدىن 1102- يىلىغىچە پادىشاھ بولغان)، مۇھەممەت ئارسلان خان (مىلادىنىڭ 1102- يىلىدىن 1132- يىلىغىچە پادىشاھ بولغان) لار ئىلمىي - پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەردى.
يوقىرىدىكى سەۋەبلەرگە كۆرە 11- ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گۈللەپ - ياشناپ، ئوتتۇرا ئاسىيا شارائىتىدا ئەڭ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق شانلىق، ئۆلمەس ئەسەرلىرى مانا شۇ دەۋردە مەيدانغا كەلدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان مەزگىل بىرلىشىپ،
كۈچلۈك قاراخانىلار دۆلىتى ئىككىگە شەرقىي ۋە غەربىي قاراخانىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن چاغ ئىدى. مىلادىنىڭ 1040- يىللىرىغا كەلگەندە، سەمەرقەندتە تۇرۇپ قاراخانىلار ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىنى (ئاساسەن ماۋەرائۇننەھرنى) ئىدارە قىلىدىغان ئېلىك خانى ناسىرنىڭ ئوغۇللىرى مۇستەقىل بولۇشقا بەل باغلاپ، قاراخانىلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە بويسۇنۇشتىن باش تارتقان ئىدى. بولۇپمۇ ئىبراھىم تاۋغاچ بۇغرا خان غەربىي ئېلىك خانى بولغان مەزگىلدە (مىلادىنىڭ 1050- يىللىرى) ئەھۋال تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئاخىرى ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، دۆلەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇۋېلىش نىيىتىگە كېلىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى يازغان ۋە ئۇنى شەرقىي قاراخانىلارنىڭ ئۇرۇنباسار خانى ئوبۇل ھەسەن تاۋغاچ بۇغرا خانغا 1069- يىلى تەقدىم قىلغان.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم-پەننىڭ كۆپ ساھەسى بويىچە (پەلسەپە، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممە تۈرلىرى بويىچە)، ئۆز زامانىغا يارىشا خېلى مۇكەممەل، ئەتراپلىق، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە دانىشمەن، تەتقىقاتچى ئاز تېپىلىدىغان ئالىم سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ.
بۇ ماقالىمىزدا «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئاتىلىدىغان،
سۈيى مەڭگۈ ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدىغان سوغۇق دەريانىڭ تېگىدە، ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ چاقناپ تۇرغان ھەدددى-ھېسابسىز ئېسىل گۆھەر، ياقۇت، مەرۋايىتلارنىڭ بىردانىسى توغرىسىدا توختالماقچىمەن. ئۇ، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ — ھەربىي تەدبىرلەر توغرىسىدا» دىن ئىبارەت.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا، دۆلەتنى ئەقىللىق، بىلىملىك، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك ئادەملەر بىلەن قانۇن (ئادالەتنى ئاساس قىلغان) ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن تاشقىرى، قىلىچ (ھەربىي كۈچ) ئارقىلىق باشقۇرۇشنىمۇ ئالغا سۈرىدۇ. مەسىلەن:
قىلىچ بىرلە كەستى يېغى بوينىنى، > قانۇن بىرلە تۈزسۈن ئېلى — خەلقىنى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خېلى سىستېمىلىق ھەربىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنداق ھەربىي تەدبىرلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ناھايىتى ئۆزە ھالدا بايان قىلماقچىمەن.
1. قوشۇننىڭ تەركىبى توغرىسىدا
قەدىمقى زاماندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن دۆلەتلەر بىلەن ھازىرقى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىپ
رىش ئېھتىمالى بولغان ئىچكى توپىلاڭنى باستۇرۇش، تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بۆلمەكتە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، قاراخانىلارنىڭ قوشۇنلىرى، ئوردادا مۇھاپىزەتچىلەر، ئالاھىدە قوشۇن، خان جەمەتىگە مەنسۇپ قوشۇنلار بىلەن بەگلەر ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى باشقۇرىدىغان قوشۇنلار، دۆلەتكە تەۋە قەبىلىلەرنىڭ خانلىرى باشقۇرىدىغان قوشۇنلاردىن تەركىب تاپقان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردىدا مۇھاپىزەتچىلەرنى ئىككىگە بۆلۈپ چۈشەندۈرگەن. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوردىنى كۈندۈزى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلارنى «ياتقاق» (كۆزەتچى) دەپ ئاتىغان. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى بېيىتتا مۇنداق دېيىلگەن:
608 قورۇقچى، كۆزەتچى بىلەن كۈن ۋە تۈن، بولۇپ قىلدى خىزمەت ئۇ سادىق پۈتۈن.
بۇندىن تاشقىرى تۇرۇش ۋاقتىدا قاراخانىلار بوغراخاننىڭ قارارگاھىنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىغان، قومانداننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، قوشۇنلارنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى، بۇيرۇقسىز چېكىنىپ كەتمەسلىكىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان «يورتۇغ» (قورۇقداش قىسمى) دەپ ئاتىلىدىغان قىسىم تەشكىل قىلىناتتى. بۇ ھەقتە يۈسۈپ
خاس ھاجىپ تۆۋەندىكى بېيىتتە مۇنداق دەيدۇ:
2586 قۇماندان قورۇغداش توپى قۇرغۇلۇق، يىغىپ ئالدى - كەينىن رەتكە سالغۇلۇق.
2587 كىچىكلەر ئۇلۇغلار ئارا كىرمىسۇن، يىراقتىن يۈرۈپچى يېقىن كەلمىسۇن.
2588 نېچۈك بولسا سارايدا قوپۇش - ئولتۇرۇش، كېرەكتۇر بۇ يەردە ھەم شۇنداق بولۇش.
بۇنداق قوشۇننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قاراخانىلار بوغۇملىرىنى قوغداش ئىدى. بۇ ئالاھىدە قوشۇننىڭ سانى 12 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى مەلۇم، غەربىي قاراخانىلار (1040 - 1212) نىڭ بۇغراسى - مۇھەممەت ئارسلانخاننىڭ ئالاھىدە قوشۇنى 12 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن①.
2. قوشۇننىڭ سان - سۈپىتى ۋە قوراللىرى توغرىسىدا
1. قوشۇننىڭ سان - سۈپىتى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا، ئۇرۇش تارىخىنىڭ ناھايىتى مول تەجرىبىلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم
① رىفات گەنچ، «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، تۈركچە، 200-بەت.
ئامىللار ئىچىدە قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى، قوشۇننىڭ سۈپىتى، قوراللارنىڭ خىزمىتى، قومانداننىڭ تالانتلىق قاتارلىق ئامىللار ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇ تۆۋەندىكى بېيىتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
2333 قوشۇن سانى كۆپ بولسا باشسىز بولۇر، قوشۇن بولسا باشسىز، يۈرەكسىز بولۇر.
2336 كۆپ ئەسكەر يىغىلسا ئىچى بۇلغۇشار، تۈزەپ بولماس ئۇنى، يارامسىز بولار.
ئېھتىمال ئۇ يەنە كۆپ سانلىق قوشۇننى تەمىنلەشتە خەلق ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىمۇ كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. شۇنىڭدەك ئەگەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق جەمئىيەتتە ھۆكۈم سۈرگەن خانلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر قوشۇننىڭ سۈپىتىگە ئېتىبار بەرمەي، يالغۇزلا سانىغا كۆڭۈل بۆلۈپ نۇرغۇن سانلىق قوشۇن ساقلايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا قوشۇننى تەمىنلەشتە خەلق ئۈستىدىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېتىبارغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوشۇننىڭ سۈپىتى توغرىسىدا توختالغاندا، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى، باتۇرلۇقنى، جاسارەتنى نەزەردە تۇتىدۇ. قانداق بولمىسۇن ئۆزىنىڭ جېنىدىنمۇ ئەزىز ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن تۇرۇشىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن جەڭچى، ناھايىتى خۇشال-خۇرام، كۆتۈرەڭگۈ
يۈكسەك روھ بىلەن تۇرۇشقا بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇنداق باتۇر جەڭچىنىڭ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ تۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبرازلىق توخشتىش بىلەن تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:
2380 كېلىن قىز سۆيۈنچى نىكاھ - توي كۈنى، باتۇرنىڭ سۆيۈنچى جەڭ قىلغان كۈنى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى قوشۇننىڭ كۆپلۈكى ئەمەس، بەلكى سانى ئاز بولسىمۇ خىل (جەڭگىۋار، باتۇر، قوراللىرى ساز) قوشۇننىڭ ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:
2340 كۆپتىن ئېزى خوپ، بولسا مۇنتەزىم، يىغىلغان سانى كۆپ چىرىك كۆپ قېتىم.
دۇنيادا ئۆتكەن مەشھۇر ئىستراتېگىيىلىك ۋە تاكتىكىچىلار قوشۇننىڭ كۈچىنى سانى بىلەن ئەمەس، ئۇنىڭ مەنىۋى كۈچى (جەڭگىۋار روھى) ۋە مۇنتەزىملىكى بىلەن مۆلچەرلەشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان. دۇنيانىڭ قەدىمكى چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇرۇش تارىخى روھى ئۈستۈن، مۇنتەزىم، باتۇر ئاز سانلىق قوشۇننىڭ روھى تۆۋەن، ئىنتىزامى بوش، كۆپ سانلىق قوشۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقى توغرىسىدا كۆپ پاكىتلارغا ئىگە.
تۇلۇغ سالچۇقلار ئىمپېرىيىسىگە چاغرى بەگنىڭ ئوغلى ئالپ ئارسلان (سالچۇقى بەگنىڭ نەۋرىسى) ئىمپېراتور بولۇپ تۇرغان چاغلاردا (1063 - 1072) سالچۇقلار بىلەن رۇم ئىمپېرىيىسى (1394 - 1451) ئوتتۇرىسىدا دۇنيا تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئالغان «مالازگىرد» ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. مىلادىنىڭ 1071-يىلى ئۆزىنى تەڭدىشى يوق ھەربىي سەركەردە دەپ ئاتىغان رۇم ئىمپېراتورى رومان دىئوگېنېس سالچۇقلار ئىمپېرىيىسى (مىلادىنىڭ 1037- يىلىدىن 1157- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نى يوقىتىپ، ئۆزنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىشكە بەل باغلىغان بولۇپ، ناھايىتى كۆرەڭ، مەغرۇر ھالدا 1071- يىلى 13- مارتتا 200 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان شەرقىي رۇم (تارىختا ۋىزانتىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قوشۇنلىرىنى باشلاپ كونستانتىنوپولدىن (ھازىرقى ئىستانبۇلدىن) شەرققە قاراپ يولغا چىقىپ، 6- ئاۋغۇستتا ھازىرقى ئەرمېنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى مالازگىرد قورغىنىنىڭ يېنىدىكى دالىغا يېتىپ كەلگەن. رۇم قوشۇنلىرىنىڭ يۈكلىرى 3 مىڭ ھارۋا، بىر نەچچە تۈمەن تۆگە ئاتلارغا يۈكلەنگەن. رۇم قوشۇنلىرىدا 1 مىڭ 200 كىشى باشقۇرىدىغان ئاجايىپ قورال - شەھەر سېپىللىرىگە چىقىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەنجاناقمۇ بار ئىدى.
سالچۇقى ئىمپېراتورى ئالپ ئارسلان رومان دىئوگېنېسنىڭ شۇنداق چوڭ قوشۇننى باشلاپ ھەرىكەت بىلەن كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ 50 مىڭ ئاتلىق، پىيادە
قوشۇننى ئېلىپ مالازگىرد دالىسىغا يېتىپ كېلىپ، رۇم قوشۇنلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا سەپ تارتىقان.
ئۇرۇش بولىدىغان كۈنى (بۇ جۈمە كۈنى ئىكەن) نەچچە يۈزلىگەن خىرىستىئان پوپلىرى كرېستنى كۆتۈرۈشۈپ، ئاۋازلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھۆكۈرۈشۈپ، رۇم قوشۇنلىرىنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ بولۇشىنى ئەيسادىن تىلەپ، ئىنژىلدىن مۇقەددەس ئايەتلەرنى ئوقۇشقان.
ئۇرۇش باشلىنىش ئالدىدا ئالپ ئارسلان ئات ئۈستىدە ناھايىتى خاتىرجەم، سۈرلۈك قىياپەتتە تۇرۇپ، بولغۇسى ئۇرۇشنىڭ تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن سالچۇقى قوشۇنلىرىنى رۇم قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ماڭدۇرغان. ئىككى تەرەپتىن بىر-بىرىگە قارشى كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ قوشۇن خۇددى دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنىدەك كۆتۈرۈلۈپ كېلىپ بىر-بىرىگە ئۆزلىرىنى ئۇرغان. كەچ كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئالپ ئارسلان باشچىلىقىدىكى سالچۇقى قوشۇنلىرى رۇملىقلار ئۈستىدىن تولۇق غەلىبە قازانغان، ئالپ ئارسلان يارىدار بولغان رومان دىئوگېننى تىرىك تۇتۇۋالغان. ئامان قالغان رۇم قوشۇنلىرى قورال تاشلاپ سالچۇقىلارغا تەسلىم بولغان.
تارىختا «مالازگىرد» قورغانىنىڭ نامى بىلەن «مالازگىرد ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان شو ئۇرۇشتا ئالپ ئارسلاننىڭ شەرقىي رۇم ئىمپېرىيىسى ئۈستىدىن قازانغان ئالەمشۇمۇل شانلىق غەلىبىسىنىڭ خەۋەرلىرى
شەرق ۋە غەرب دۇنياسىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان، بولۇپمۇ خىرىستىئان دۇنياسى ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ كۈزدىكى سارغىيىپ تۆكۈلگەن دەرەخ يوپۇرمىقىدەك تىترەشكەن.
2. قوشۇننىڭ قورالى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا، قوشۇننى ناھايىتى خىل قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنى تۆۋەندىكى بېيىتتە بايان قىلىدۇ:
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، قاراخانىلارنىڭ قوشۇنلىرى ئىشلىتىدىغان قوراللار: ئوقيا، پالتا، خەنجەر، قىلىچ، دۇبۇلغا (باش كىيىم) دىن ئىبارەت بولغان. بۇ قوراللارنىڭ ئىچىدىن ئوقيا، قىلىچ، پالتا، نەيزە، خەنجەر، دۇبۇلغا (چوماق) ھۇجۇم قىلىش قوراللىرىدىن ئىبارەت ئىدى. قاراخانىلار دەۋرىدە، قوشۇننىڭ قوراللىرىنى ناھايىتى سۈپەتلىك قىلىپ ياسايتتى. قىلىچ، پالتا، خەنجەر قاتارلىق قوراللار سۈپىتى يۇقىرى پولاتتىن ياسىلاتتى. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇبۇلغا قاراخانىلار قوشۇنلىرىنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق قورالى ئىكەن.
تومۇت (چوماق) ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى قاراخانىلار بۇغرا ئېرىنىڭ شان - شەۋكىتىنى، سەلتەنىتىنى دوست - دۈشمەن ئالدىدا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسىلاتتى. يەنە بىر خىلى بولسا، ئۇرۇشتا قوللىنىدىغان ئەپچىلەك چۆيۈن تومۇت (چوماق) تىن ئىبارەت بولغان.
غەربىي قاراخانىلارنىڭ بۇغراخانى خىزىرخان (1080 - 1081) قوشۇنلىرى ئالدىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن قويۇلغان يەتتە يۈز تومۇتلۇق (چوماقلىق) ئاتلىق قىسىمنى ماڭدۇرار ئىكەن①.
غەربىي قاراخانىلارنىڭ بۇغراخانى ناسىر تاۋغاچ بۇغراخان (شەمسۇل مۈلۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇلۇغ سالچۇقلارنىڭ ئىمپېراتورى مىلىك شاھقا (مىلادىيە 1072 - يىلىدىن 1092 - يىلىغىچە ئىمپېراتور بولغان) ئەلچى ئارقىلىق يازغان مەكتۇبى بىلەن قوشۇپ 50 پاتمان ئېغىرلىقتىكى بىر تومۇت، 10 پاتمان ئېغىرلىقتىكى بىر قىلىچنى ئەۋەتىپ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ قىلىچ بىلەن ئۇرۇشمايمىز، ئوينايمىز، بۇ تومۇت تەگكەن ھەرقانداق ساۋۇت پارە - پارە بولۇپ كېتىدۇ. بىز مانا شۇ تومۇت بىلەن سوقۇشىمىز». مىلىك شاھ (سالچۇقى بەگلىكى چۆرىسى) ناسىر تاۋغاچ بۇغراخاننىڭ تەھدىت سېلىپ يازغان مەكتۇبىدىن يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، دەرھال ئاتقا مىنىپ، تومۇتنى باش ئۈستىدە يەتتە قېتىم ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى يىگىرمە قەدەم
① رەشات گەنچ، «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، تۈركچە، 333-بەت.
يىراقلىققا تاشلىۋەتكەن. قىلىچنى بىر ئۇرۇپلا تۈگىنىڭ بوينىنى ئىككى پارچە قىلىۋەتكەن. ئۇ، يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ناسىر تاۋغاچ بۇغراخان (مىلادىنىڭ 1068- يىلىدىن 1080- يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان) نىڭ ئەلچىلىرى ئالدىغا ئوقيانى تاشلاپ: «بىزگە ئۇرۇشتا قامچا بىلەن يا كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن.
يۇقىرىدىكى پاكىتلارغا قارىغاندا، ئومۇمەن قاراخانلارنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش قورالى ئىكەنلىكى مەلۇم.
3. ئۇرۇشنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇرۇشنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا سۆزلىگەندە، بىر قاتار تېخنىكىلىق ئىشلار ۋە ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيە، تاكتىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي تەدبىرلەر توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان. بۇنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
1. ھەربىي كېڭەش چاقىرىش
ناھايىتى چوڭ ئىشتۇر قوشۇن باشلىماق، تۈزۈپ لەشكەرنى، ياۋنى قىرىپ تاشلىماق.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، ھەربىي كېڭەش چاقىرىپ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا ئەتراپلىق چوڭقۇر ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلىش، ئەگەر ھەربىي
كېڭەشتە ئۇرۇش قىلىش قوبۇل قىلىنسا، ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان قوشۇنلارنىڭ سانى، ئۇرۇشنى باشلاشنىڭ ۋاقتى، كىمنىڭ باش قوماندان بولۇشى قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم ئىدى.
ھەربىي كېڭەشكە قاراخانىلارنىڭ بۇغراسى، شاھزادىلەر، مەشھۇر بەگلەر، چول قەبىلە (قارلۇق، چىگىل، تۇغرۇق، توخسى قاتارلىق قەبىلە) لەرنىڭ خانلىرى قاتنىشاتتى.
كۆپ چاغلاردا ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى قاراخانىلارنىڭ بۇغراسى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى.
- ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن تەشكىل قىلىش
ئۇرۇشتا قاراخانىلارنىڭ بۇغراسىنى قوغداش ۋە قوشۇنلارنىڭ تەرتىپ-ئىنتىزامىنى ساقلاش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن تەشكىل قىلىناتتى. بۇنداق قوشۇن «يۇرتۇغ» (قورۇغداش) دەپ ئاتىلاتتى. قاراخانىلارنىڭ بۇغرالىرى قوشۇن باشلاپ ئۇرۇشقا ماڭغاندا، قوشۇننىڭ ئالدىدا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن بۇغراخاننى ئېلىپ ماڭاتتى.
ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن قاراخانىلارنىڭ دۆلەت بايرىقىنى — ئوتتۇرىسىغا بىر تەرىپىدە ئالتە، بىر تەرىپىدە توققۇز شېخى بار ئالتۇن رەڭلىك ئارچا چۈشۈرۈلگەن توق قىزىل شايى بايرىقىنى، بۇندىن باشقا بايراقلار، تۇغلار، ئالتۇن-كۈمۈشتىن قويۇلغان تۇمۇتلار (چوماقلار) نى كۆتۈرۈشۈپ، تولۇق قوراللانغان پېتى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھالدا مېڭىشاتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم ۋە ئېغىرلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
2344 قوشۇننى ساقلىسۇن، قىلسۇن مۇنتىزىم، كېيىن ۋە ئىلگىرى يۈرمىسۇن ھېچكىم.
2374 تېشىپ چىقمىسۇن قوي ئالدىن، كېيىن، بېكىت ئوق - سولۇققا يەنە باشقىدىن.
2586 قوماندان قورۇغداش توپى قورغۇلۇق، يىغىپ ئالدى - كەينىن رەتكە سالغۇلۇق.
2587 كىچىكلەر ئۇلۇغلار ئارا كىرمىسۇن، يىراقتا يۈرۈچى يېقىن كەلمىسۇن.
2588 نېچۈك بولسا سارايدا قوپۇش - ئولتۇرۇش، كېرەكتۇر بۇ يەردە ھەم شۇنداق بولۇش.
- دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلىش ۋە ئۆزىنىڭ سىرنى چىڭ ساقلاش
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەرقانداق ئۇرۇشتا دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى پۇختا، راست ئىگىلەشتىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ سىرنى چىڭ ساقلاشنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش
بۇياقتا تۇرسۇن ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. قاراخانىيلار ئۇرۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن تۈرلۈك يوللار (دۈشمەن ئىچىگە ئەۋەتىلگەن چارلىغۇچى ۋە دۈشمەن ئىچىدىن تۇتۇلغانلار) ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندىن تاشقىرى، ئۇرۇشقا كىرىشىدىغان ئالدىنقى كۈنلەردە دۈشمەن ئەھۋالىنى ئېنىق ئىگىلەش ئۈچۈن «تۇتغاق» ۋە «يەزەك» دەپ ئاتىلىدىغان ئاتلىق چارلىغۇچى، خەۋەرچى قىسىملار تەشكىل قىلاتتى.
بۇنداق قىسىم ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن دۈشمەننىڭ ئالدىنقى چارلىغۇچى قىسىملىرىنى ئىز قوغلاپ تېپىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ قاچسا شىددەت بىلەن قوغلاپ «تىل» ① تۇتۇپ كېلەتتى. «تىل» تۇتۇپ كېلىدىغانلار «تۇتغاق» دەپ ئاتالسا، دۈشمەن ئەھۋالىدىن خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلار «يەزەك» دەپ ئاتىلاتتى.
بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۆۋەندىكى بېيىتلەردە مەلۇمات بېرىدۇ:
2342 كېرەك چارلىغۇچى قىسىم خىللىماق، قۇلاق - كۆزنى ساقلاپ، يىراق قارىماق.
① تىل — ئەسىر، خەۋەر مەنىسىدە.
2343 چارلاۋچى ئۇچراشسا توتۇققا يېتىپ، ھۇجۇمنى قىلسۇن ئۇ تەرەپتىن بېرىپ.
2351 تىل ئاۋۋال تېپىپ تىل ئالماق كېرەك، بۇ تىلدىن ياق ھالىنى بىلمەك كېرەك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ سىر ساقلاش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
2350 قوشۇننى كۆزەتسۇن، ئۇ تىل بەرمىسۇن، قوشۇن ئازمۇ كۆپ ياق ئۇنى بىلمىسۇن.
4. تۇرۇشىدىغان جاينى تاللاش
ئەزەلدىن تارتىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغۇچىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەزىپىسى تۇرۇشىدىغان جاينى تاللاش ئىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇرۇشىدىغان جاي مۇداپىئەلىنىشكە، چېكىنىشكە ئەپلىك، ئوت-چۆپ، سۈيى مول بولۇشى شەرت.
تۇرۇشىدىغان جاي تاللانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇۋاپىق بىر يېرىگە قارارگاھ (قوماندانلىق شتابى) جايلاشتۇرۇلۇشى، قارارگاھقا يېقىنراق بولغان ئېگىز بىر جايغا مۇنار ياسىلىشى لازىم ئىدى. ئەگەر كېچىسى دۈشمەن تەرىپىدىن بىرەر خەۋپ سېزىلىپ قالسا دەرھال
مۇنار ئۈستىگە مەشئەل يېقىپ پۈتۈن قوشۇن ئاياغ تۆرە تۇرغۇزۇلاتتى.
بۇندىن باشقا كېچىسى پارول قوللىنىلاتتى. ئەگەر كېچىسى قوشۇن چۈشۈرۈلگەن ۋە قارارگاھ قۇرۇنلاشقان جايلارنىڭ ئەتراپىدا ئىككى كىشى ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇلاردىن بىرى پارولنى بىلمىسە، شۇ ئۆلتۈرۈلەتتى.
- كېچىدە قىلىدىغان ھۇجۇم
تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە، دۈشمەنگە كېچىسى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. كېچىسى قىلىنىدىغان ھۇجۇم ئىشەنچلىك، باتۇرلۇق بىلەن قىلىنسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولاتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا، دۈشمەنگە كېچىسى ھۇجۇم قىلىشنى، دۈشمەننى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى تەدبىرى سۈپىتىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
2361 تىرىش، غەپلەتتە قوي، كېچە قىل ھۇجۇم، كېچىدە كۆپ - ئازلىق بىلىنمەس چوقۇم.
- كۈندۈزى ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇرۇشلار
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا كۈندۈزى تۇرۇش قىلىش قارارىغا كەلگەن قومانداندىن ئەڭ ئاۋۋال قوشۇندىكى جەڭچىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش؛ ھۇجۇمغا ماڭىدىغان قىسىملارنىڭ ئالدىغا ياشانغان، تەجرىبىلىك جەڭچىلەرنى قويۇش، بىر قىسىم قوشۇننى مۆكتۈرۈپ قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن
كېيىن، ئۇرۇشقا ئۆزى باش بولۇپ ئۆلگە كۆرسىتىپ جەڭچىلەرنى ناھايىتى يۇقىرى جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىملىقنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
2365 ئىشكنى ئۇزارتماي قوشۇن تۈز، سوقۇش، ئاتاپ ماختا ئەرنى، تارات مال، كۈمۈش.
2371 يېشى چوك، جەسۈرلەر كۆرەشچىنى، سەپ ئالدى قىل، باشلاپ ماڭسۇن جەڭچىنى.
2372 ساقال - چاچ ئاقارغان كۆرەشچى بولۇر، كۆرەشچى بولۇر ھەم كۆپ ئىشنى بىلۇر.
2373 كىچىك، ياش يىگىتلەر بولۇر بەكمۇ تېز، ئەگەر تۇرسا يۈز، ئۆچەر ئوتى تېز.
2370 چېرىكتىن بىر قىسمىنى قوي مۆكتۈرۈپ، ياياق ئوقچىنى سال سەن ئالدىن يۈرۈپ.
2374 ئەڭ ئاۋۋال يىراقتىن ئوقنى ئاتقۇلۇق، يېقىنلاشسا نەيزە بىلەن تۇتقۇلۇق.
2377 كىرىشكەندە پالتا، قىلىچ بىلەن چاپ، ياقادىن تۇت، چىشلە، تىرناقتا تاتلاپ.
چىدا، ياۋغا ئارقاڭنى بەرمە تۇتۇپ، يوقات ياۋ ياكى يات ئۇرۇشتا ئۆلۈپ.
- ئىشەنچسىز سوقۇشتىن ساقلىنىش يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىشەنچسىز ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، دۈشمەن بىلەن ئېغىزدا بولسىمۇ ۋاقىتلىق يارىشىپ، پەيتنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ھەر قانداق ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىسى، تاكتىكىسىدىكى مۇھىم بىر ئىش — ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەلەيدىغان قوماندان ئەھۋالنى ئېنىق تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىسى بولمىسا، ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياكى مۇنقەرز بولۇشى ئۇرۇشتا غالىپ بولۇش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان بولسا، ئۇنداق ئۇرۇشنى قىلىش — قىلماسلىققا قەتئىي دىققەت قىلىش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى بېيىتلەردە كۆرىمىز:
| 2359 | قوشۇنى كۆپ بولسا ياۋنىڭ، سېنىڭ ئاز، | | | سوقۇش قىلما، تېزدىن كۆر تەدبىرنى ساز. |
| 2362 | يېڭىشقا ئەگەرچە يەتمىسە كۈچۈڭ، | | | ئۆتۈن سەن ئەلچىلەر، ياراشقىن تۈزۈك. |
| 2363 | تىلىڭ بىرلە ئەل بول، ئۆزۈڭنى كۆزەت، | | | سوقۇشقا ئالدىرىما، سۆزنى بەس ئەت. |
- دۈشمەننى قوغلاش
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، دۈشمەننى بەكمۇ ئۇزاق جايىچە قوغلاپ بېرىپ ئارقا سەپتىن يىراقلىشىپ، يېتىم ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىن ساقلىنىشقىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. بولۇپمۇ يالغانچىن چېكىنىپ تۇزاققا چۈشۈرىدىغان دۈشمەننىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قوغلىغاندا، ناھايىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇش مۇمكىن.
بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
2390 يېغى قاچسا قوغلاپ ئۇزاپ كەتمىگىل، ئەگەر قايتسا دۈشمەن، قاچالمايسەن، بىل.
2395 يېغى قاچسا بارما ئۇزاق يەرگىچە، يىراق قوغلىغان قامچا يەر تويغۇچە.
- قوماندان توغرىسىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپ، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بەرگەن.
- قومانداننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پىكرىچە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەننى يېڭىش بەكمۇ ئۇلۇغ ئىش بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە كىشىنىڭ لا
يېتەكلىكنى كۆرسەتكەن. قومانداندا بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلەرنى قىسقىچە تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:
قومانداندىن راستچىل، تەجرىبىلىك، شەخسىيەتتىن خالى، ئاددىي - ساددا، يۈرەكلىك، باتۇر، ھىلىگەر، تەدبىرلىك، كەمتەر، مۇلايىم، ئەقىللىق، ھوشيارلىققا ئوخشاش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى شەرت.
- قومانداننىڭ ۋەزىپىلىرى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قومانداننىڭ ئۆتەشگە تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىدۇ. ئۇنىڭچە قومانداننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇرۇشتا قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۈشمەننى يېڭىشتىن تاشقىرى، يارىدار بولغانلارنى داۋالاش، ئەسىر چۈشۈپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇپ ئېلىش، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادىنى رازى قىلىش، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ①.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەربىي تەدبىرلەرنى قەدىمكى زاماندىكى ئۇرۇش تارىخىنىڭ تەجرىبىلىرىگە، قاراخانىلارنىڭ مەۋجۇت ھەربىي تۈزۈمىگە ئاساسلىنىپ، ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرىدىغان تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنىڭ ئۇسۇل ۋە شەكىللىرىنى تېخىمۇ جانلىق بايان قىلغان.
① «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984- يىل 5- ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 2398-، 2399-، 2402-، 2043- بەيتلەر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەربىي تەدبىرلەر ئونىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە يېتىشكەن ھەربىي ئالىم ئىكەنلىكىنىمۇ شۈبھىسىز ئىسپاتلايدۇ.
بىز «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلغاندا، ئەدەبىي مىراسلارنى قانداق تەتقىق قىلىش، ئونىڭغا قانداق ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدىكى ماركسىزم پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز لازىم.
ھازىرقى پېيتتە «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىپ، ئونىڭغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىشمىز ئۈچۈن رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئاتاقلىق، دانىشمەن پەيلاسوپ، تالانتلىق شائىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆتكىلىكى بىلەن پەخىرلەنگەندىن تاشقىرى، ھازىرقى پېيتتە ئىلىم - پەننىڭ گۈللىنىشىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىمكانىيەت، تولۇق شەرت - شارائىت يارىتىلغان دەۋر بىلەنمۇ پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز.
本书介绍十一世纪著名维吾尔族思想家,学者和诗人尤素甫.哈斯.阿吉甫的生平及其文学名著《福乐智慧》一书的科学意义。本书中选编了新疆大学组织宣读的部分论文和其他有关文章。
تارىخىي مىراس — «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە بايان (1) (ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى) نەشرگە تەييارلىغۇچى: زارىپ دولات مەسئۇل مۇھەررىرى: ئىيسا شاكىر
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلدى شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى تارقاتتى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى باسما زاۋۇتىدا بېسىلدى
فورماتى: 787x1092 م م، 1/32، باسما تاۋىقى: 12، قىستۇرما ۋارىقى: 3 1986- يىل 1- ئاي 1- نەشرى 1986- يىل 6- ئاي 1- بېسىلىشى تىراژى: 3450 — 1
كىتاب نومۇرى: 6 — 11264 باھاسى: 1.15 يۈەن
مۇقاۋىنى لايىھىلىگۈچى: غەيرەت ئابدۇخالىق
نومۇرى: 6-11264 M باھاسى: 1.15 يۈەن