تىزىملىك
تىل تاللاش:
پەلسەپە ۋە تەپەككۇر 2006-يىلى نەشرى تولۇق نۇسخا

«يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى»

Yüsüp Xas Hajipning Aile Terbiyisi

✍️
ئاپتور: يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
🏛️
نەشرىيات: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
📖

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئىنسان تەبىئىتى، ئائىلە تەربىيىسى ئەنئەنىسى ۋە پەرزەنت ئەخلاقى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان پېداگوگىكىلىق ئەسىرى.

#ئائىلە تەربىيىسى#پېداگوگىكا#ئەخلاق#يارمۇھەممەت تاھىر#قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى#تولۇق كىتاب
100%
بەت 3

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى

«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى II

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

بەت 4

«قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتى

(تۆۋەنكى توم)

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى

ئەركەي تايىر ئەسەرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى (ئۈرۈمچى شەھىرى غەلىبە يولى 14-نومۇر، پوچتا نومۇرى: 830046) شىنخۇا كىتابخانىسى تارقاتقان ئۈرۈمچى شەھىرى جياخۇا مەتبەئە چەكلىك شىركىتىدە بېسىلدى فورماتى: 787x1092 مىللىمېتىر 1/32، 13.875 باسما تاق، قىستۇرما رەسىم: 2 2006-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، 2007-يىل 2-ئاي 1-بېسىلىشى نۇسخا سانى: 0001-5000

ISBN 7-5631-2078-5 ئومۇمىي باھاسى: 40.00 يۈەن باھاسى: 20.00 يۈەن

بەت 5

مۇندەرىجە

|مۇقەددىمە يوقاتقان ئەگۈشتەرنى ئىزدەش يولىدا | 1 | |بىرىنچى باب ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى راۋاجى | 20 | |1. ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئائىلە تەربىيىسى | 20 | |2. «قۇتادغۇبىلىك» — 11 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ پىداگوگىكىلىق ئەسەر | 30 | |3. مىللەتنىڭ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا | 41 | |ئىككىنچى باب ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئائىلە شارائىتى پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ياخشى دەرسخانىسى | 53 | |1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەربىيىلەنگەن ئىجتىمائىي شارائىت ۋە ئائىلە مۇھىتى | 55 | |2. تەبىئەت، ئويۇنلار قوينىدا يېتىلگەن خاراكتېر ۋە پاراسەت | 69 | |3. بالىلارنى تونۇر بېشىدىن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش | 85 | |ئۈچىنچى باب چوڭقۇر ئەقىدە، يارقىن خاراكتېر بىلەن يوغۇرۇلغان ھايات | 96 | |1. ھاياتقا ۋە بەختكە تەلپۈنگەن ئەقىدە | 96 | |2. يارقىن خاراكتېر ئونى مەردلىككە، سەمىمىيلىككە چاقىرغان | 101 | |3. چوڭقۇر ئەقىدە ئۆلۈمنى مەنىسىزلىككە ئۆگەتكەن | 106 |

بەت 6

| 4. مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان ئەقىدىدىن چاقنىغان نۇر | 111 | | 5. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي غۇرۇر تەربىيىسى | 112 | | تۆتىنچى باب پەرزەنت تەربىيىلەش ئىقتىدارى ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى | 119 | | 1. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلەش تەرىپى | 119 | | 2. پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلار ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ بەزى شەرتلىرى | 128 | | بەشىنچى باب مېھرىبانلىق ئارقىلىق مېھرىبانلىقنى، ۋاپادارلىق ئارقىلىق ۋاپادارلىقنى يېتىلدۈرۈش | 138 | | ئالتىنچى باب ھاياتنى، تۇرمۇشنى، دۇنيانى سۆيۈشكە ئۆگىتىش | 159 | | يەتتىنچى باب قانائەتچانلىققا يېتەكلەش بەخت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى | 191 | | 1. قانائەتچانلىق تەربىيىسى پەرزەنتلەرنى بەختكە، پەزىلەتكە يېتەكلەيدۇ | 193 | | 2. قانائەتسىزلىك تەربىيىسى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئۆگىتىدۇ | 219 | | سەككىزىنچى باب پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش | 229 | | 1. بالا كىچىكىدىن باشلاپلا چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك | 231 | | 2. بالىلارغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېرىلى | 236 | | 3. پەرزەنتلەرگە ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىتىش تەرىپى | 245 | | 4. ۋاقىتنىڭ قەدىر - قىممىتى ھېس قىلدۇرۇلمىغان بالا مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ | 254 | | توققۇزىنچى باب بەختكە ئېرىشىش ۋە بەھرىمەنلىك تەربىيىسى | 260 | | 1. پەرزەنتلەر ئۆزىنىڭ بەختى بىلەن بىللە يارىتىلغان | |

2

بەت 7

| لىقنى ھېس قىلسۇن | 261 | | 2. ياخشىلىق قىلىپ ياخشى نام قالدۇرۇشقا ۋە بەختلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش | 266 | | 3. بەختنىڭ تېگى مېھنەت | 273 | | 4. پەرزەنتلەر بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلسۇن | 276 | | ئونىنچى باب ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇن تەربىيىسى | 279 | | 1. سالاملىشىش قائىدىسى توغرىسىدىكى ساۋاتلار | 280 | | 2. ئاممىۋى سورۇندىكى ئەدەپ - قائىدە ساۋاتلىرى | 288 | | 3. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنتىزىم قائىدە - يوسۇن بىلەن يېتىلگەن ئالىم ئىدى | 295 | | ئون بىرىنچى باب پەزىلەت تەربىيىسى | 322 | | 1. نەسىھەت ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ئۈلگىلىرىدىن بىرى | 325 | | 2. ئەقىدە تەربىيىسى پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ يادروسى | 327 | | 3. مال - دۇنياغا كۆپ ھېرىسمەن بولما، ياخشىلىقنىڭ بەندىسى بول | 331 | | 4. ياخشى قىلىقلىق، دۇرۇس خۇلقلۇق بولۇشقا ئۆگىتىش | 340 | | 5. ئۆزۈڭ ياخشى بول، ياخشىلارغا قوشۇل، يامانلاردىن نېرى بول | 344 | | 6. ئۆزۈڭگە پۇختا بولۇش، سىر ساقلاش تەربىيىسى | 349 | | 7. سەۋرلىك ۋە ئېغىر - بېسىق، شېرىن تىللىق بولۇشنىڭ خاسىيىتى | 354 | | 8. بالىلارنى راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىككە ئۆگىتىش تەلەپلىرى | 360 | | 9. كەمتەر بولۇش، تەكەببۇر بولماسلىققا ئۆگىتىش | 365 |

3

بەت 8

|10. ھاراققا ۋە زىناغا يېقىن بارماسلىق ھەققىدىكى تەربىيە | 372 | |11. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇش كېرەك | 375 | |ئون ئىككىنچى باب تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلىشىش ئەدەپلىرى تەربىيىسى | 380 | |ئون ئۈچىنچى باب ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنىڭ بىرى | 401 | |ئون تۆتىنچى باب پەرزەنتلەرنىڭ دۇنيادىن بەھرىلىنىش ھوقۇقىنى قولىغا بېرىلى | 427 |

4

بەت 9

مۇقەددىمە

يوقاتقان ئەسلىمىلەرنى ئىزدەش يولىدا

مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق بىر مەشھۇر گەپنى قىلغان: «مۆمىن ئۆزى يوقىتىپ قويغان ھېكمەت گۆھىرىنى قەيەردىن تاپالىسا تېپىشقا ھەقلىق». مەن بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ ئىلھامى بىلەن پارلاق ھەم خۇنۈك، يارقىن ھەم جاھالەتلىك، كومېدىيىلىك ھەم تراجېدىيىلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەم مەغلۇبىيەتلىك، كۈلكىلىك ھەم ئازابلىق، سائادەتلىك ھەم قاباھەتلىك تارىخىمىزنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە نەزەر سالدىم. بىز زادى قانداق ھېكمەت گۆھىرىنى يوقىتىپ قويغانىدۇق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە خېلى كۆپ ئويلاندىم. ئىنسانىيەت تارىخىدا شۇنچە شانلىق مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، دۇنيانىڭ شەرق بىلەن غەربىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئالتۇن كۆۋرۈك بولۇپ رول ئوينىغان، «قاچان ئونى ئۇيغۇر دەپ تونۇسا تولۇغلۇق شۇنىڭغىلا تېگىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ» (مەھمۇد قەشقەرى) دەپ قەدىرلىنىپ تولۇغلۇق تاجىنى كىيگەن مۇنەۋۋەر مىللەت 13-ئەسىردىن تاكى 20-ئەسىرگە قەدەر بولغان سەككىز ئەسىر مۇساپىدە نېمە ئۈچۈن بارا-بارا قەددى پۈكۈلۈپ، زەئىپلىشىپ دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن شاللىنىپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلىنىپ قالدىم. بىر قىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرىدە قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيادىن ئۆتىدىغان خەلقئارا كارۋان يولىنىڭ دېڭىزغا يۆتكىلىشى بىلەن بۇ چۆل قۇرۇقلۇق چۆلدەرەپ قالدى، شۇنىڭ

بەت 10

بىلەن ئۇيغۇرلار دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى، دەپ باھا بېرىلدى. بىراق مېنىڭچە بۇ خىل يەكۈنگە قوشۇلۇشقا قەتئىي يول قويمايتتى. ئەجەبا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى يوق مىللەتمۇ، ئەگەر ئۇلاردا ھەر خىل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارى بولمىسا شۇنچە ئۇلۇغ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيتتىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا كېمىنى ئىختىرا قىلىپ دېڭىز قاتنىشىنى باشلىغان ئىدى. شۇنداق ئەھۋاللىقتا ئىگە تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ئۈزۈلۈپ قالغان مەدەنىيەت رىشتىسىنى دېڭىز يولى ئارقىلىق ئۇلىيالمىدى؟ يەنە بەزى مۇلاھىزىلەردە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبلىك مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالدى، دېگەن پىكىرنىمۇ قىلىشتى. ئەگەر مەسىلىگە شۇنداق قارايدىغان بولساق، ھالقىلىق نۇقتىدا خاتا يەكۈن چىقارغان بولىمىز. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن جاھالىيەتتە قالغان قالاق، مەدەنىيەتسىز، خاراكتېرى تولىمۇ تۈتۈرۈقسىز بەدەۋىي ئەرەبلەرنى مەدەنىيەتلىك، پەزىلەتلىك مىللەتكە ئايلاندۇرغان روھ ئىسلام ئېتىقادى ئەمەسمىدى، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەرەب يېرىم ئارىلى بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش ھالىتىدە تۇرغان. ئۇ پۈتۈنلەي ئۇرۇش - جېدەل بولۇپ تۇرىدىغان، قىز بوۋاقلارنى تىرىك كۆمىدىغان، ئاتىسى ئۆلگەن ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىشتىن ھايا قىلمايدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىنسانلىققا يات بولغان قەبىھ قىلمىشلارغا ئىگە بىر خەلق ئىدى. قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، قۇلدارلار قۇللارنى ئادەم ئورنىدا كۆرمەيتتى، ئىسلام دىنى بۇ ئۇرۇشقاق تارقاق مىللەتنى بىر بايراقت ئاستىغا ئۇيۇشتۇردى، بۇرۇنقى بەدەۋىي ناچار ئادەتلىرىنى تۈگىتىپ پەزىلەتلىك، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، مېھرىبان بىر مىللەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى قۇرۇلۇپ دۇنياغا

2

بەت 11

مەشھۇر ئالىملارنى يېتىشتۈردى. شۇنداق قىلىپ ئەسرلەر نەچچە ئەسىر دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن ئىدى.

ئۇيغۇرلار مىلادىيە 950-يىللىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى، مانا شۇ ئىسلام دىنىنىڭ مەنىۋى تۈرتكىسىدىن ئۇيغۇرلار 11-ئەسىردىكى ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. مىللەت سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يۈكسەلدى، خەلقنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ساپاسىدا زور يۈكسىلىش بولدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىمۇ زور يېڭىلىنىشلار بارلىققا كەلدى، بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنىڭ سىيماسىنى كۆرسەك، «قۇتادغۇبىلىك» تىن مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پارلاق بىلىش نەتىجىلىرىدىن ۋاقىپ بولالايمىز. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان مۇنداق بۈيۈك مەدەنىيەت تۇتۇقلىرىنىڭ قانداق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىدىن ھەيران قالىمىز، مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ روھى، خاراكتېرى ۋە ئەقىدىسىنى كۆرگەندەك بولىمىز. ئۇ بىر ھاياتى كۈچكە، ئۈمىدۋارلىققا تولغان روھ، تەۋرەنمەس ئىرادە، يۈكسەك مىللىي غۇرۇر بىلەن سۇغىرىلغان خاراكتېر، پاك، ئالىيجاناب ئەقىدە بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىنسان تەبىئىتى ئىدى.

مىللەت خاراكتېرىنىڭ زەئىپلىشىشى، روھىنىڭ ئۆلۈشىگە ئۇلارنىڭ سىياسىي ئورنىدىن مەھرۇم بولۇشى بىلەن ئىقتىسادىي نامراتلىق سەۋەب بولغانمۇ؟ بۇ ھايات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى ھاكىمىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئامىل مىللەتنىڭ خاراكتېرىگە، مىللىي روھىغا تەسىر قىلىدىغان ماھىيەتلىك سەۋەب بولالمايدۇ. ئەكسىچە، خاراكتېرنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە روھنىڭ ئۆلۈشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئورنىدىن مەھرۇم بولۇشىنىڭ ئاسا[Footer] 3

بەت 12

سي ئامىللى بولىدۇ. سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئوڭاي، بىراق مەنىۋى نامراتلىقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلماق تولىمۇ تەس، ئەگەر روھىي نامراتلىق بىلەن خاراكتېر زەئىپلىكى بولمىغاندا مەركىزىي ئاسىيادىن ئىبارەت شۇنچە مۆنبەت، باي تۇپراقتىن نامراتلىققا چۈشۈپ قېلىشنى ئەقىل قوبۇل قىلالمايدۇ.

ئۇنداق بولسا، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز 800 يىل داۋامىدا قولدىن بېرىپ قويغان ئەڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر نېمە؟ ئۇلار شۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان روھىي قۇللۇق، ئىسكەنجىسىدە تۇرۇپ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان كۈچ نەدىن كەلگەن؟ بۇنى ئومۇملاشتۇرغاندا، مۇنداق ئىككى سۆزگە مەركەزلەشتۈرۈپ بايان قىلىش مۇمكىن. بىرى، مىللەت تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن ئاساسەن مەھرۇم بولدى، مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نەچچە ئەسىر ساۋاتسىز، ئاڭسىز قىلىشتەك مەنىۋى تراگېدىيىگە يولۇقتى. يەنە بىرى، قىسمەن تەلىم-تەربىيە يۆنىلىشى ۋە مەزمۇنىمۇ خاتا بولدى. تەربىيىسىزلىكتىنمۇ كۆرە ھاياتلىق قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ خاتا تەربىيىلىنىپ قىلىنىشنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولىدۇ، شۇڭا مىللەت ئالدىغا ئەمەس، بەلكى ئارقىغا، ئۆزىنىڭ قارشى يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى ياكى چېكىندى. ئەقىل نۇرىمۇ بارا-بارا خىرەلەشتى، روھى ئۆلدى، مىللىي خاراكتېرىمۇ زەئىپلەشتى. قانۇنىيەت شۇكى، ئەقىلمۇ، روھمۇ پەرۋىش قىلىشتىن نۇرلىنىدۇ، خاراكتېرمۇ پەرۋىشتىن كۆكلەيدۇ ۋە زورىيىدۇ، تەربىيىسىز قالسا ئەقىلمۇ تەرەققىي قىلمايدۇ، روھ ئۆلىدۇ، خاراكتېرمۇ سۇسلىشىدۇ. خاتا تەربىيىچۇ؟ ئۇ خۇددى قاغجىراپ يامغۇرغا تەشنا بولۇۋاتقان دەرەخنى سۇ بىلەن سۇغارغاننىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ يىلتىزىغا تۇز كىسلاتاسى قويغاندەكلا قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11-ئەسىردىلا تەلىم-تەربىيە بىلەن

بەت 13

ئىنسانىي كامالەتنىڭ، بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن ئىلمىي ئاساستا يورۇتۇپ بەرگەن. خاتا تەربىيىنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاپىتىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ تەربىيىسىز قالغان ئادەمنى «تىرىك ئۆلۈك»، «كېسەل مەنىزەئىپ»، «ھايۋان» دېگەنلەرگە ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن. «تىرىك ئۆلۈك» دېگىنى روھى ئۆلگەن تىرىك جەسەت دېگەن مەنىنى بېرىتتى، خاراكتېرسىز گەۋدىنى كېسەل مەنىزەئىپ ئادەمگە ئوخشاتقان ئىدى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللانىڭ تۇتقا ئەقىل ئاتا قىلغانلىقىدا، دەپ قارايدۇ. بىراق مانا شۇ ئەقىل چىرىغىنىمۇ بىلىمسىز يورۇتالمايدىغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ، يەنى: «ئەقىل بەدەندىن ئىبارەت قاراڭغۇ ئۆيدىكى چىراغ، بىراق ئەقىل چىرىغى ھەرگىز بىلىمسىز يورۇماس (1840)». ① ئەپسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەقىلنىڭ رولىغا ئېتىبار بېرىلمىدى، ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنىش ئاز بولدى. مەن شۇنىڭدىن تولىمۇ ئەجەبلىنىمەنكى، ئىسلام دىنىمۇ ئەقىلگە يۇقىرى ئىمتىياز ئاتا قىلغان، ئەقىلگە يۈكسەك قەدىر-قىممەت نەسىبىنى بەرگەن دىن. ئەقىلنى ئاللا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمەت دەپ تونۇيدىغان، ئۇنى ئوقۇپ بىلىم ئېلىش، ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئارقىلىق تاكامۇللاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا روشەن دەۋەت ۋە بىشارەتلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، يەنىلا ئەقىل چىرىغىنى يورۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلمەگەنلىكىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىنتايىن خاتا، ئازغۇن بىر تەربىيىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەسىۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» ئاللا ياراتقان كىشىلىك ھاياتىنىڭ ياشاش قانۇنىيەتلىرى يوپۇقسىز، گۇۋاھسىز بايان قىلىنغان كىتاب. شۇڭا


① يۇقىرىقى رەقەم ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن سۆز «قۇتادغۇبىلىك» نەزمىلىرىنىڭ رەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ.

5

بەت 14

داق تۇرۇقلۇق، مىللەت ئەسلىي قانۇنىيەتكە مۇخالىپ يول تۇتقانلىقىنى، «قۇرئان كەرىم» كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا شەھەرلەنگەنلىكىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. خۇددى، سۈرە راھمان 33 - ئايەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىدە ئاسمان - زېمىن ماھىيەتلىك پەرق كېلىپ چىققان. مۇھەممەد مۇجىيەن تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق 4 - سانىدا مالىيەن يازغان «ئىسلام دىنى ئىلىم - پەننى تەشەببۇس قىلىپ خۇراپاتلىققا قارشى تۇرىدىغان دىن» دېگەن ماقالىغا ئالغان مەزكۇر ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى: «ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر»، (55 - سۈرە 33 - ئايەت) دەپ ئالغان بولسا، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىدە «… ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر (لېكىن سىلەرگە مۇنداق قۇۋۋەت قەيەردىن كەلسۇن).» دېيىلگەن.

ئەسلىدە بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرى توغرىسىدا گەپ بولۇۋاتاتتى، يەنى 55 - سۈرىنىڭ 32 - ئايىتىدە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر» دېگەن بولسا، 34 - ئايىتىدە يەنە تەكرارلاپ، يۇقىرىقى كەلىمىنى قايتا تەكرارلايدۇ. ئەگەر بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلىنغاندەك مەزمۇندا ئالغاندا قانداقمۇ مەنتىقىلىق باغلىنىش بولسۇن؟! بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەنىسىدىنمۇ ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان كۈچ - قۇۋۋەت ۋە بۇ كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋاستىلەردىن بىشارەت بېرىۋاتىدۇ.

بەت 15

تى، يەنى قۇۋۋەت ئارقىلىق ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر دەپ ئىلھام قىلىۋاتاتتى. بۇ ئايەتنى: «تۆمۈرنى ياراتتۇق (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ - قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار»① دېگەن ئايەتتىكى «تۆمۈر كۈچ - قۇدرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» دېگەن ئىبارە ئىنسانلارغا ئۆلۈمنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئاسمانلارغا چىقىپ ئاللاھ ئاتا قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ سىرىنى ئېچىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەھىم قىلغىلى بولاتتى. يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان 11 - ئەسىرلەردە ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن، شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم - پەنگە تايانغاندا ئاسمانغا يول ئالغىلى بولىدۇ، دېگەن ئىلمىي تەسەۋۋۇرنى ئىشەنچ بىلەن دۇنياغا جاكارلىغان. بىراق، كېيىن ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە بۇ ئايەت يۇقىرىقىدەك خاتا شەرھلىنىپ، ئىلىم - پەن ۋە تەرەققىياتقا ئىلھام بېرىۋاتقان، كۈچ - قۇۋۋەتكە دەۋەت قىلىۋاتقان ئايەت پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئۆلۈم ۋەھىمىسى مەنىسىدە تەپسىر قىلىنغان. ئەگەر يۇقىرىقى ئايەت توغرا تەپسىلىي شەرھلىنىدىغان بولسا، نەچچە كىتاب يېزىش مۇمكىن ئىدى. بىراق ئۇ دەۋرلەردە ئىلىم - پەننىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەر ئاسمانغا چىقىش ھەققىدىكى يۇقىرىقى بېشارەتنى تەسەۋۋۇرغا سىغدۇرالمىغان. نەتىجىدە، تۇنجى بولۇپ ئىلىم - پەنگە تايىنىپ ئاسمانغا چىقىشقا بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي تەسەۋۋۇرنى 11 - ئەسىرلەردىلا دۇنياغا جاكارلىغان مىللەت، غەرب دۇنياسى ئاللا بۇرۇن ئىنسانلاردا ئۇچۇش تەسەۋۋۇرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان چاغلاردا، بۇ زېمىندىكى بەندىلەر تېخىچىلا قۇتۇز ئىشەككە باغلىنىپ ياشاۋاتاتتى. بىز بۇنىمۇ خاتا تەربىيەنىڭ كاساپىتى دەپ قارايمىز.

① «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى 1987 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 57 - سۈرە ھەدىس 25 - ئايەت.

7

بەت 16

بىز ھازىرقى ئىلىم - پەننىڭ يۈكسەك تەرەققىيات تورتىكىسىدە، ئىنسانلارنىڭ ئاسمانلارنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئاندىن يۇقىرىقى بېشارەتلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان ۋە تەربىيەلەنگەن 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تۈزۈمى ۋە ئائىلە تەربىيەسى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن ئىلغار ۋە ئىلمىي بولغانلىقىنى بىز «قۇتادغۇبىلىك» ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسىدىن روشەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇنداق بولسا، ئۇيغۇر خەلقى قاراخانىيلاردىن كېيىن نېمە ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىدەك دۇنيادى ئالىملارنى، شۇنداق مۇكەممەل ۋە كامالەتلىك ئىنساننى تەربىيەلەپ چىققان ئائىلە تەربىيەسى ئەنئەنىسىدىن، «قۇتادغۇبىلىك» ئەنئەنىسىدىن جۇدا بولۇپ قالغان بولغىيتتى؟ بىز ئەڭ ئەجەبلىنىدىغان ئىشنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ سىياسىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك يۈكسىلىشكە تۈرتكە بولغان ئىككى بۈيۈك ئالىم تۇرغۇزۇپ بەرگەن، لايىھەلەپ بەرگەن مائارىپ ئەنئەنىسىدىن تامامەن يىراقلىشىپ كەتپىلا قالماي، بەلكى بۇ ئىككى ئالىمنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. بىز قاراخانىيلاردىن كېيىنكى سەككىز ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپىدە، بىرەر تارىخىي كىتابلاردا ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولسۇن، بۇ ئىككى بۈيۈك زاتقا تېگىشلىك ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىنى، مائارىپ، تەلىم - تەربىيە دەرسلىكلىرىدىن بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيەسى تامامەن بوش قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆردۇق. ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدە مۇتەۋەر ئورۇنغا ئىگە بولالماسلىقى ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيە تارىخىدىكى، جۈملىدىن مائارىپ تارىخىدىكى كۆزۈمىزگە كۆرۈنمەيدىغان زور خاتالىق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى «قۇتادغۇبىلىك» ئەنئەنىسى ۋە روھىدىن جۇدا

بەت 17

بولۇپ قالمىغان بولسا، شۇنداق تولۇق بىر ئەڭگۈشتەرنى قولدىن بېرىپ قويماي، ئۇنىڭغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلغان بولسا، سەككىز ئەسىرلىك روھىي نامراتلىقنىڭ ئاسارىتىدە شۇنداق تېنەپ - تەمتىرەپ، نىشاننى يوقىتىپ قويمىغان بولاتتى، دەپ ئەپسۇسلىنىمىز.

بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دۇنياغا كەلگەن دەۋردىن توققۇز ئەسىر كېيىنكى بىر تارىخىي باسقۇچتا ياشاۋاتقان ئەۋلادلار، دۇنيا ئۇ دەۋرلەرگە قارىغاندا ئاجايىپ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. پەن - تېخنىكا ئىنسانىيەتنى زامانىۋى ئۇچقۇر دەۋرگە ئېلىپ كىردى. قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى مەدەنىيەت دۇنياسىنى 11 - ئەسىرگە ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىراق بىز بىلەن تەرەققىي قىلغان دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بار. ئۇلار ئاسماندا بولسا، بىز تېخى يەردە، ئۇلار بۈگۈنگە ۋە كەلگۈسىگە مەنسۇپ بولسا، بىز تېخى تۈنۈگۈنگە مەنسۇپ، بىز ھەقىقىي بۈگۈنىمىزنى قۇرۇپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلدۇق ۋە تېخى ئۈلگۈرەلمىدۇق.

«قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ئالىملىرىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن قايتىدىن تۇغۇلغاندەك ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن يۈز كۆرۈشتى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەسەر توغرىسىدا خېلى كۆپ تەتقىقات ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى. بىز بۇ ئەسەرلەرگە سىڭدۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى كۆرگىنىمىزدە ئۇنىڭ 11 - ئەسىردە مەيدانغا كەلگەنلىكىگە ئىشەنگۈمىز كەلمەيدى. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئوي ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىككى ئالىم ئەسەرلىرىنى ئۆز دەۋرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە بولۇشقا چوققۇر ئىشەنگەن ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق تىلەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن.

9

بەت 18

دەپ، ئاللاھقا سېغىنىپ بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم»، «مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلىتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم. بۇ يازغان ئەسىرىم تەلەپكە ئۇيغۇن بولسۇن، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ يېڭى - يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم… ئىلگىرىلەشنى خالىغۇچىلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ كەڭ يول ئېچىپ بېرىش، يۈكسىلىش تىلىكىدە بولغۇچىلارغا شوتا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم، جۈملىدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر ۋە قوشاقلىرىدىن، قايغۇلۇق ۋە خۇشاللىق كۆڭۈللەردە ئېيتىلغان چوققۇر مەنىلىك ماقال - تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم، تاكى بۇنىڭدىن پايدىلانغانلار كېيىنكىلەرگە، ئۇلار ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر مۇنچە قائىدىلەرنى كىرگۈزدۈم، شۇنداق قىلىپ، بۇ كىتاب يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى.» ① مانا شۇ ئىشەنچ ۋە ئۇلۇغۋار ئارزۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇكى: «تىلىكىم سۆزلىرىمنى كېيىنكىلەرگە يادىكار قالدۇرۇش ئىدى.»، «ئەسەرىمگە «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئات قويدۇم، مەقسىتىم ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ بەخت يولىغا يېتەكلىسۇن دېگەن نىيەت» (30 - بېيىتنىڭ مەزمۇنى). ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە سوئال قويۇپ باقساق بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ بوۋىلىرىمىزمۇ؟ ئەگەر بونى ئېتىراپ قىلساق، بىز ئۇ بوۋىلىرىمىزنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى بىلىش سەۋىيىمىزنى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان بوۋىلىرىمىزنىڭ

① شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 - يىلى نەشر قىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرى 1 - توم، 7 - 8 - بەت. 10

بەت 19

بىلىش سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرساق، كىم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ تەقدىر - ئىستىقبالىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆمۈر بويى ئىزدىنىپ شۇنچە قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ ئىراسىگە قانچىلىك ۋارىسلىق قىلدۇق؟ شۇنچە ئۇزۇن ئەسىر يوقىتىپ قويغان دانىشمەن بۆشۈكىمىزنى تېپىۋالغاندا ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمىغان بولسىڭىز سىز قانداق ئەۋلاد؟

مەن دەۋرىمىزدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ئەندىزىسىنى 21 - ئەسىردە كۆتۈرۈپ چىقسام، كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى زامان شۇنداق تەرەققىي قىلغان تۇرسا، 11 - ئەسىردىكى ئائىلە تەربىيەسى ئەندىزىسىنى ھازىرقى زاماندا ئۆرنەك قىلىشقا بولامدۇ، دېيىشى، ھەتتا يەنە بەزى غەربپەرەس چەت ئەللىكلەرنىڭ پەرەزەنت تەربىيەسىگە ئائىت شۇنچە مەشھۇر كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ چىقتى، شۇنداق كىتابلار تۇرغان يەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرەزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى قانچىلىك رول ئوينار دېيىشى مۇمكىن.

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلىرىمىزدىن ئەلىشەر ناۋائىي مۇنداق دېگەن: «سەن ئاجايىپ - غارايىباتلارغا يول تاپىمەن دەپ ئارزۇ قىلسەڭ، ئاگاھ ۋە دانا بولغىنكى، ئاجايىپ - غارايىباتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭدە، نېمە ئىزدىمەكچى بولساڭ ئۆزۈڭدىن ئىزدە، نېمە تاپماقچى بولساڭ ئۆزۈڭدىن تاپ - دە توغرا يولغا قەدەم قوي.» ① ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ مۇۋەپپەقىيەت يولىنى ئېچىپ، ياشاش قابىلىيىتىنى ۋە ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنىشتى. گەرچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم نەرسىلەر ئۆزگەرگەن بىلەن، بىر نەرسە ھەرگىزمۇ

① ئەلىشەر ناۋائىي «لىسانۇتتەير» (قۇشلار تىلى) دىن ئېلىندى. 11

بەت 20

ئۆزگەرگىنى يوق، بۇ بولسىمۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى. مانا شۇ قانۇنىيەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، ھېس قىلىنغان، تەجرىبىدىن ئۆتكەن، تارىخ ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىغان نۇرغۇن - نۇرغۇن بىلىش نەتىجىلىرى يىغىلىپ ھازىرقى تۇرمۇش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مانا شۇ ئەندىزە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق ئۆلى بولۇپ، بۇرۇنقىلار يارىتىپ بەرگەن تەييار داستىخان ئۈستىدە ياشاۋاتىدۇ، ئادەم مەڭگۈ يەنىلا ئادەم، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ئادەم تەربىيىلىنىشكە مۇھتاج مەخلۇق، ئەمما پەرەزەنت تەربىيىسىنىڭمۇ قانۇنىيىتى بار. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتىنى زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرتمەيدۇ، دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدىغىنى قانۇنىيەت ئەمەس، بەلكى ئۇسۇل. مەسىلەن، بۇرۇنقى تونۇر بېشىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئۆز ئورنىنى ھازىرقى زامانىۋى ياشاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەردى. ھازىر تونۇر بېشى ھېكايىلىرىنىڭ ئورنىنى تېلېۋىزوردىكى كارتون فىلىملەر ئىگىلىدى، بىراق باشقىلارنىڭ ھەر خىل تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشقا مۇھتاجلىقىنى بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھاياتقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيەت ئۆزگەرگىنى يوق. دېمەك، ئادەم زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى يوقىتىپ باشقا مەخلۇققا ئايلىنىپ قالمايدۇ.

ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ماس ھالدا ئائىلە تەربىيىسى تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن، ئۇنى خەلق ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ۋە ياشاش شارائىتىغا ئاساسەن تاللىغان ۋە بارا - بارا مۇكەممەللەشتۈرگەن. چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەبىئىتىگە ماس كەلمىگەن تەربىيە ئۇسۇلى گەرچە ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.

بەت 21

جەمئىيىتىمىزدە بىر تۈركۈم چەت ئەل پېداگوگلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر كىتابلىرى نەشر قىلىنۇپتۇ، بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئۇرۇشتى، بىراق ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىلمىي تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولسىمۇ، باشقا خېلى كۆپ تەرەپلىرىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز، مەدەنىيەت ساپايىمىز، قىممەت قارىشىمىز، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئومۇمەن، ئۇ كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن خېلى كۆپ ئۆرنەكلەرنى تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىش ئىمكانىيىتى يوق، ھەتتا بەزى ئۇسۇللارنىڭ بىز ئۈچۈن زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. مەسىلەن، يېقىندا «كارل ۋىتتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتاب بىلەن «ستېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابلار ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، ئەمەلىيەتتە ستېنا خانىممۇ، كارل ۋىتتېرمۇ ئادەتتىكى ئائىلە باشلىقلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇلار بالىلار پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى ۋە مەشھۇر پېداگوگلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئادەتتىكى نورمال تۇرمۇش شارائىتىدا تەربىيىلەنگەن بالىلار بولماستىن، بەلكى ئالاھىدە تۇرمۇش مۇھىتىدا تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىنغان بالىلار. ستېبىنا خانىم قىزىنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇزىكا سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ گەپ قىلىپ بەگەنلىكى، تاملارغا ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بەرگەنلىكى، پىئانىنو چېلىپ بېرىپ، نوتا ئۆگىتىپ مۇزىكا سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى تەجرىبىسىنى سۆزلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرىقى بىر قاتار ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشتە سۈنئىي ۋاسىتىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. تەبىئىي ۋاسىتىلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشىمىزدا بار، بىزنىڭ بالىلىرىمىز كىچىكىدىن باشلاپلا ھەر خىل ھايۋانلارنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولىدۇ، پىئانىنو سېتىۋېلىپ ئۇنى

بەت 22

بالىلارنىڭ مۇزىكا سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاستىسى قىلىشنىڭمۇ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. بىزنىڭ يېزا - قىشلاقلارىمىزدىكى بالىلار قەدىمدىن تارتىپ سەنئەت ئىچىدە چوڭ بولىدۇ، توي - تۆكۈندىكى ئەللەغىمىلەر، مەشرەپلەردە ئورۇندىلىدىغان مۇقامىلار، ئانىلارنىڭ مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىلىرى، خامان ناخشىلىرى، ئورما ناخشىلىرى ۋە باشقىلار تەبىئىي ھالدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىنى ئەڭ مۇكەممەل ئۇسۇلدا قامدايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭلىغان گۈزەل خەلق ناخشىلىرى مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىچىلىرى ئىجاد قىلغان، پىئانىنو بىلەن تەربىيىلەنگەن شۇنچە كۆپ چەت ئەللىك بالىلارنىڭ مۇزىكا سېزىمى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مۇزىكا سېزىمىنىڭ ئالدىدا يىپ ئېشەلمەيدۇ، بۆشۈكتىكى بالىلىرىمىزمۇ مۇزىكا رىتىمىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆسسۇل ھەرىكەتلىرىنى دورىيالايدۇ، بۇ ئىشلار چەت ئەللىك بالىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزگە تەمەننا قويساق ئەرزىيدۇ. ئۇيغۇر بالىلاردا يېتىلگەن مۇنداق يۇقىرى مۇزىكا سېزىمى ھەرگىزمۇ تۇغما ئەمەس، بەلكى ئۇنى تۇرمۇش شارائىتىمىز، ياشاش ئۇسۇلىمىز يېتىلدۈرگەن. ئەمدى ئاساسىي مەسىلە ھازىرقى شەھەرلىشىش دولقۇنىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئاشۇ قايناق تۇرمۇش قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىش - بەرمەسلىكىدە. بەزى ئاتا - ئانىلار چەت ئەل ئاقسۆڭەكلىرىنى دوراپ بالىلىرىغا پىئانىنو ئېلىپ بەردى. بىزنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىمىز دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەمدۇ؟ بالىلارنىڭ مۇزىكا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمدىمۇ؟ ياق! بىزنىڭ چالغۇلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن، شوخ خاراكتېرىگە ماسلاشتۇرۇلغان ناماياندىدۇر، ئۇيغۇرلار ئۇ چالغۇلارنى تاغدىمۇ، باغدىمۇ، چۆللەردىمۇ، مەشرەپلەردىمۇ، توي - تۆكۈنلەردىمۇ ئەركىن چالالايدۇ، ئۇنىڭدىن ھەرقانداق چاغدا ئەركىن بەھرە ئالغىلى بولىدۇ. بىز يۇقىرىدا ئەسكەرتكىنىمىزدەك،

بەت 23

يۇقىرىقى ئاپتورلار ئادەتتىكى ئائىلە باشلىقلىرى ئەمەس بەلكى مۇتەخەسسىس، ئۇلارنىڭ ئۆزى بىرنەچچە چەت ئەل تىلىنى بىلىدۇ، پەقەت ئۇلار بىر تەجرىبە ئۈلگىسى، ئەگەر ئۇلارنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلى پۈتۈن غەرب دۇنياسىدا ئومۇملاشقان، ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا ماسلاشقان ئىلمىي قانۇنىيەت بولىدىغان بولسا، چەت ئەللىك باشقا بالىلار نېمىشقا ئۇنداق ئىقتىدارنى ھازىرلىيالمايدى، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر قانچە چەت ئەل تىلىنى بىلىدىغانلىرىدىن نەچچىسى باردۇر، ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا قايسىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىدا بالا تۆت ئايلىق بولغاندا، ئاۋۋال ئازراق ئالما سۈيى، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شورپا، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ۋە يېغىنى بېرىشكە، كالا سۈتى، قوي سۈتى، گۈرۈچ، ئۇن، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلاردىن ياسالغان ھەر خىل سۈتلۈك يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە، بالا بىر ئايلىقتىن ئۈچ ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئالما سۈيى، پەمىدۇر، سەۋزە، پالەك قاتارلىق مېۋە سۈيى ۋە كۆكتات سۈيى بېرىشكە، ئالتى ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا بانان، ياڭيۇ، سەۋزە، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنىڭ قىيامى، بېلىق شورپىسى، چۈجە شورپىسى… يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز قەرەللىرىدە يەتكۈزۈپ ئوزۇقلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بارلاردىن بىرەرسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق. ئەگەر شۇنداق ئىمكانىيەت بار دېيىلگەندە يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ مېنىڭچە، ئۇنىڭمۇ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق، بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزدە شۇنداق بىر تەبىئىي ئەركىنلىكىمىز باركى، بىزنىڭ نۇرغۇن بالىلىرىمىز جەننەتتەك باغلاردا چوڭ بولىدۇ، مېۋە ئارىلىق تولۇقلايدىغان ئوزۇقلۇق شۇنىڭ بىلەن بولىدۇ، يېزىلىرىمىزدىكى ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك قوي، كالا دېگەنلەردىن ئاز دېگەندە بىر قانچە تۇياقتىن بار، ئۇلاردىن سۈت ئالىدۇ، قېتىق ئۇيۇتىدۇ، قايماق چىقىرىدۇ، ئۆزىدىن ئېشىپ قالسا قوشنىلارغا بېرىدۇ، ساتىدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ

بەت 24

بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى تەبىئىي ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، بىزدىكى بىر ئاجىزلىق شۇكى، شۇنچە مول يېمەكلىكلەرنى بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بېرىشكە تازا دىققەت قىلمايمىز، بەزى بالىلار كۆپ يېۋېلىپ، ئاشقازاننى بۇزۇۋالىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، قورسىقى ئاغرىيدۇ - دە، ھەرەج تارتىدۇ. بەزى بالىلار ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ ئەتەنگىچە چەككىچە ئوزۇقلانالمايدۇ.

ئومۇمەن، بىز دە بار نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەر چەت ئەللەردە يوق، چەت ئەللەردە بار بەزى ئەۋزەللىكلەر بىزدە يوق. بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىن، ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىساقلا ياراملىق، ئەقىللىق بالىلارنى تەربىيىلەپ چىقىشىمىزدا گەپ يوق، گەپ مۇشۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتا. ھەرقانداق ئىشقا بىلمەي، چۈشەنمەي تۇرۇپ قەدەم باسسا نەتىجىسى ياخشى بولمايدۇ، بولۇپمۇ پەرزەنت تەربىيىسى ئىشىدا قارىغۇلارچە ئاڭسىز ئىش تۇتۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ روھى ساپ، ساغلام ئۇيغۇر روھى، ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، مەھمۇد قەشقەرىدەك ئەقىللىق خاراكتېرلىك ئەزىمەتلەرنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن روھ. «قۇتادغۇبىلىك» تىكى تەلىم - تەربىيە تەلەپى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسىگە قويغان يۇقىرى تەلەپلىرىنىڭ مەھسۇلى، يەنە بىر نۇقتىدىن «قۇتادغۇبىلىك» روشەن خاسلىققا ئىگە پېداگوگىكىلىق ئەسەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ مەشھۇر پېداگوگ، ئۇنىڭدا تەلەپ قىلىنغان پرىنسىپلىق قانۇنىيەت، ئىلمىي تەلەپ ۋە تەۋسىيەلەر مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايلا قالماي، بەلكى بىزنىڭ تەبىئىتىمىزگە شۇنداق يارىشىدىغان مەنىۋى لىباس.

ھازىرقى نەشر قىلىنىۋاتقان پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت ئەسەرلەردە دېگەندەك بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش خاھىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، بۇلاردا كۆپىنچە بالىلارنىڭ بىلىملىك، ئالىم،

بەت 25

پروفېسسور بولۇشقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەخلاق، ئەقىللىق، خاراكتېرلىك ئادەم بولۇشىغا قانچە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن، ھەتتا بۇ نۇقتا ئاق قالدۇرۇلغان دېسەكمۇ بولىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ پېداگوگىكىلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، خاراكتېرلىك ئادەم بولۇشىغا زور كۈچ سەرپ قىلىنغان. مېنىڭچە، پەرزەنتلەرنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىشى، ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىجاد قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئەقىل بۆلۈمنى ئېچىش ئەڭ ئاخىرىدا كاتتا ئالىم بولۇشنى مەقسەت قىلىش تەلىم-تەربىيە ئىشىدا ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم پېداگوگىكىلىق تەلەپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى پېداگوگىكىنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بىزدە: «ئالىم بولماق ئوڭاي، ھەقىقىي ئادەم بولماق تەس» دېگەن گەپ بار. ئادەم دوختۇر، ئىنژېنېر، گېنېرال، ئالىم، ئوقۇتقۇچى… قاتارلىقلار بولۇشتىن كۆرە، ئۇ ئالدى بىلەن مۇكەممەلرەك ئادەم بولۇشى كېرەك. چەت ئەللەرنىڭ ساپا مائارىپى تېلىپىدە ئەمدى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. بىر ماقالىدە مۇنداق مەزمۇن بايان قىلىنىدۇ: بىز ئاتا-ئانىلار بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىرىنىڭ نېمە بولۇشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىمىز. بالىلىرىمىزدىن «سەن چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن؟» دەپ سوراپ كېتىمىز، ئۇ «دوختۇر بولىمەن، ئوقۇتقۇچى بولىمەن، ئىنژېنېر بولىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە ئادەم بولۇپ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى، شەرمىشەر بولىدۇ، چوشقىمۇ چوشقا بولىدۇ، ئىت ئىت بولىدۇ، ئادەم ئادەم بولماي باشقا نەرسە بولۇپ قالسا بولامدۇ؟ ئادەمنىڭ ئەسكەر بولۇشى، دوختۇر بولۇشى، ئالىم بولۇشى، دوختۇر بولۇشى ياخشى ئىش، بىراق ئادەم بولماسلىقى يامان دەپ مۇھاكىمە قىلىدۇ.

بەت 26

يۇقىرىقى مۇلاھىزە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، بىزگە خاراكتېرلىك، ئەقىللىق، ئەقىدىلىك، مەسئۇلىيەتچان، قەيسەر ئادەم كېرەكمۇ ياكى ئەقىلسىز، ئەقىدىسىز، مەۋقەسىز، خاراكتېرسىز، فورماتىپوزىمىلارغا غەرق بولۇپ كەتكەن، ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئەمەلىيەتلىك مەنسىپىگىلا باغلىنىپ قالغان، باشقا ھېچقانداق ئىشقا مەسئۇل ئىككى بولمىغان ئالىملار، ئەمەلدارلار كېرەكمۇ؟ ھازىرقى جەمئىيەتتە بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە، ئىمتىھاندىن ئالغان نومۇرىغا، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش - ئۆتمەسلىكىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ بالىنىڭ تۇراقلىق بىر ئەقىدىگە ئىگە خاراكتېرلىك ئادەم بولۇشىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ. شۇڭا پوزىتسىيە ئوچۇق بولمىغان، يۈرەكسىز، مەيدانسىز، مەسئۇلىيەتسىز، خاراكتېرى زەئىپ بالىلار كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇ بالىلار ھەر قانچە چەت ئەللەردە ئوقۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، جەمئىيەتكە قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلەر، ئۇنداق ئادەم كىچىككىنە زەربىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي تېزلا شاللىنىپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىساق، بىز پەرەنتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئالىم قىلىشنى مەقسەت قىلمايمىز، ئالىملارنىڭ كۆپ بولغانلىقىلا شۇ مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولالمايدۇ. ئەڭ مۇھىم بىر ئۆلچەم شۇكى، ئالدى بىلەن ئۆز ئۆلچەملەشكەن بولۇشى، خاراكتېرى تۇراقلىق، مەسئۇلىيەتچان، ئەقىدىلىك، ئىىرادىلىك، ئۈمىدۋار، ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىغا باي، نومۇس تۇيغۇسى يۇقىرى، تىرىشچان، قەيسەر ئادەملەرنىڭ كۆپرەك بولۇشىدا، ئەقىدىسىز، خاراكتېرسىز تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى گەرچە ئالىم بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ مىللەت يەنىلا ساپاسىز، زەئىپ مىللەت ھېسابلىنىدۇ، ئەقىدە بىلەن خاراكتېرى ئۆلگەن مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈك ھېسابلىنىشقا بولىدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆز كۈرەش تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغان، ئىنسانىيەتكە نۇرلۇق مەشئەل بولۇپ بەر[Footer] 18

بەت 27

گەل ئۇلۇغ ئادەملەر پەقەت ئىلىم نوپۇزلۇقلىرىلا بولماستىن، بەلكى قەتئىي، تىز پۈكمەس، يېڭىلمەس، ئىىرادىلىك، ھەققانىيەتچى، ئىنسانپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر گىگانت ئادەملەر ئىدى. شۇڭا بىز خاراكتېرلىك ئەزىمەتلەرنى ئۆز دەۋرىنىڭ ۋىجدانى دەپ ئاتايمىز. ئەقىدىسىز، خاراكتېرسىز ئىلىم نوپۇزلۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقى ۋە پايدىلىنىش قورالى دەپ ئاتايمىز. شۇڭا پەرەزەنت تەربىيىسىدە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەربىيىسى بىلەن ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇش تەربىيىسىگە ئوخشاش ئېتىبار بېرىش لازىم.

19

بەت 28

بىرىنچى باب: ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى راۋاجى

1. ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئائىلە تەربىيىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مائارىپ تارىخىدا ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ قەدىمكى ئانا مائارىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىي كامالەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان.

ئادەم ئىنساننىڭ قورسىقىدا تۆرەلمىلا ئانىسىنىڭ باغرى پەرەزەنت ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولىدۇ. بۇ ئانا مەكتەپنىڭ مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشى پەرەزەنتنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە ھاياتىنىڭ بىر پۈتۈن باسقۇچلىرىدىكى تەقدىر - ئىستىقبالىغا پۇتۇنلائىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىنىي ئېتىقاد بويىچە پەرەزەنت قورساقتا تۆرەلمىپ 40 كۈن بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياتى، دۇنيادىكى تەقدىر - قىسمەتلىرى پۈتۈلۈپ كېتىدۇ دېگەن چۈشەنچە بەلكىم بالىنىڭ قورساقتىكى تەلىم - تەربىيە شارائىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەققىدىكى بېشارەت بولسا كېرەك، چۈنكى قورساقتىكى شارائىت بالىنىڭ تۇغما تەبىئىتىگە ئاساس سالىدىغان تۇنجى ئامىل. ئەگەر بالا قورساقتا ياخشى تەربىيە تاپسا، ئۇ ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر بالا قورساقتىكى چاغدا ياخشى تەربىيە تاپمىسا، ئۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى

بەت 29

پۈتكۈل قىسمەتلىرىگە يامان تەسىر بېرىشى مۇقەررەر. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئىنسان تەبىئىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارىغان، ئۇ پەرزەنتىنىڭ خۇي - پېئىلىنىڭ نەسلى - نەسەبىگە تارتىدىغانلىقىنى، ئۇرۇق قانداق بولسا، مېۋىسى شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: «ئۇرۇغلۇق كىشى ئۆلمەس، ئۆلسە ئورنى قالىدۇ.» دېگەندەك، يەرگە نېمە تېرىسا، شۇ نەرسە ئۈنگەندەك، ئوغۇلنىڭ قىلىقىمۇ ئاتىسىنى تارتىدۇ، مانا بۇ ئايتولدى ئوغلى (ئۆگدۈلمىش) كە «ئۇلۇغ بولغۇچى ئوغلان ئۇ مەرد تۇغۇلۇر، كىچىك چېغىدىلا ھەممە نىشان كۆرۈنىدۇ. بۇ بېيىتنى ئوقۇساڭ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، چوقۇم ئوقۇساڭ مەنىسى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ» (1648 - 1649) دەيدۇ:

1650 ياراملىق نېمىنىڭ بولۇر بەلگىسى، كىچىكتىن چوك ئولغۇنچە بىلىنگۈسى. ①

1651 چېچەكتىن بىلىنۇر دەرەخ مېۋىسى، بۇ ھەممە ئۈچۈن بىر مىسال بولغۇسى.

يۇقىرىقى يەكۈن ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەسلى نەسلى ۋە نەسەبىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەبىئىي قانۇنىيەتنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى بىلىنىشى. مەنۇ ئىنسان تەبىئىتىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قارايمەن ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىمەن، مەن يەنە ئىنسان تەبىئىتى تۇغما بولىدۇ، ئۇنى ھەرگىز تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايىمەن، بۇ مېنىڭ ئۆزۈن يىللىق تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، تەجرىبىلىرىنى


① بۇ بېيىتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى مەنىسى ئەسلىدىكى مەتندىن ئازراق قېچىپ كەتكەن، تېكىست: «كىچىكىدە بەدۈكنىچە ئول بولغۇنەڭ»، مەنىسى: ئونىڭ جۇۋاق بولغاندا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

بەت 30

يە كۈنلەش ئاساسىدا چىقارغان ئىلمىي يەكۈنۈم، بۇ ھەقتە كېيىن مۇنتىزىم ۋە مەخسۇس بىرەر ئەسەر يېزىش پىلانىم بار. ئادەم زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئالىم بولۇشى، دوكتور بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۇنىڭ ئىلمىي جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىنىڭ نەتىجىسى. بىراق ئادەم ئۇ بىلىمنى ئۆز تەبىئىتىگە مۇناسىپ جارى قىلدۇرۇدۇ، كۆيۈمچان، مېھرىبان ئادەمنىڭ بىلىمى ئىنسانىيەتكە بەخت كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلسا، پەس تەبىئەتلىك، زورىۋان، ياۋۇز ئادەملەرنىڭ قولىدىكى بىلىم ئىنسانىيەتكە ئاپەت كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇنداق يەرنى، بىلىم بەلگىلەمدۇ ياكى ئىنسان تەبىئىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنەمدۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇنداق ئىنساننىڭ توغما تەبىئىتى توغرىسىدىكى بىلىش نەتىجىلىرى ئاساسىدا ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى تەربىيىلەپ، دادا سېنىڭ ئىز باسارى قىلىشنىڭ ئىستىقبالى بار دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا كۈن توغدى ئېلىگ ئارقىلىق ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئەقىل - پاراسەتتە، ئىلىم - كامالەتتە، ئەخلاقىي پەزىلەتتە يېتىلگەن كاتتا دۆلەت ئەربابى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، دادىسى ئايتولدىنىڭ ئىزىنى باسدۇ ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. بۇ ئارقىلىق يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان تەبىئىتى بىلەن تەلىم - تەربىيىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان ئۇلۇغ مۆجىزىنى كۆرسىتىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىدىكى رېئال مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ شانلىق مېۋىسى بولسا، ئۆگدۈلمىش يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرى ئارقىلىق يارىتىلغان تەلىم - تەربىيە ئەندىزىسىنىڭ ۋە غايىسىنىڭ مۆجىزىسى.

توغما ياخشى تەبىئەتلىك بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن، ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىش زۆرۈر بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مائارىپقا ۋە مائارىپنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئەگەر دە مۇمكىن بولسا ئىدى، ياخشى

بەت 31

تەبىئەتلىك، ئېسىل پەزىلەتلىك، خاراكتېرلىك ئاتا - ئانىلاردىن كۆپرەك بالا تۇغۇلسا ئىكەن، دېگەننى خىيال قىلىپ كېتىمەن. جەمئىيەتتە ئەل ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان، تارىختا ئاجايىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئېسىل تەبىئەتلىك، پەزىلەتلىك، سۆنماس ئىىرادىلىك، پۈكۈلمەس خاراكتېرلىك، باھادىر ئەزىمەتلەرنى پەقەت تەلىم - تەربىيىنىڭ، مائارىپنىڭ نەتىجىسى دېيىش بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن بىرىنچى مائارىپ ئانا قورسىقىنىڭ مەھسۇلى، ئاندىن كېيىن، ئىككىنچى مائارىپ تەلىم - تەربىيىنىڭ شان - شەرىپى، ئەگەر بۇ ھەقىقەت ئېتىراپ قىلىنمىسا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ناچار تەبىئەتلىك، زەئىپ خاراكتېرلىك، نىپاسانىيەتچى، قارا نىيەت، ياۋۇز ئادەملەرنىمۇ شۇ مائارىپ تەربىيىلەپ چىققانغۇ، بىر خىل مۇھىتتا، بىر سىنىپتا، بىر مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئېلىپ تەربىيىلەنگەن بالىلارنىڭ خاراكتېرى نېمىشقا ئوخشاش بولمايدۇ؟ ھېلىقى يامان تەبىئەتلىك بالىلارنى مائارىپ تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يامان تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىپ ياخشى تەبىئەت ھاسىل قىلىشقا قادىر بولالامدۇ؟ ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، تۇغما تەبىئەت ئىنسانلارنىڭ ھايات مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدە 40 مۇقەددەسلىك ۋە توققۇز مۇقەددەسلىك ئەنئەنىسى بار. بۇ مۇقەددەسلىك چۈشەنچىلىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىدا ئاجايىپ مول، رەڭدارلىق ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭدا ھەربىر ئادەمنىڭ ھايات قىسمىتلىرىنىڭ باغلىنىشى، تەبىئىي يارالمىشى بىلەن ئۇنىڭ تەقدىر-قىسمىتلىرى ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىشنىڭ بارلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بىلىش دەرىجىلىرى ھازىر تېخى ھەربىر ئادەمنىڭ ئەقلىي كامالىتى، مىجەز - خاراكتېرى، ياشاش ئىقتىدارى قاتارلىقلار بىلەن تۇغما تەبىئىتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا تۇغما تەبىئەتنىڭ رولىنىڭ چوڭلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.

بەت 32

بەخت بىلەن تەقدىر - قىسمەتنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر ئىلمىي يەكۈنگە كېلەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئائىلە مائارىپىنىڭ بالىلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى خېلى ئىلمىي چۈشىنىپ يەتتى. بىرىنچى تەربىيەنى قورساق مائارىپى يېتىلدۈرسە، ئىككىنچى تەربىيەنى ئائىلە مائارىپى يېتىلدۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بىرىنچى تەربىيە - تەلىم - تەربىيە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ياكى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ. مەكتەپ مائارىپى ئىنسان تەبىئىتىنى ھاسىل قىلغۇچى مۇئەسسەسە ئەمەس، بەلكى تەبىئىي يارىتىلغان ئاشۇ ئۈستىگە تام قوپۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ. شۇڭا قورساق مائارىپى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى قاتلام تەربىيەنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

بىز قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە دائىر كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولمىساقمۇ، لېكىن بىزگە يېتىپ كەلگەن قىسمەن ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن بېرى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق ئېپوسى «ئوغۇزنامە» دە بىزگە ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ئۇنىڭ خاراكتېرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ زور ئۈنۈملىرى نامايان قىلىنىدۇ، ئوغۇزخاننىڭ پەرزەنتلىرىگە بەرگەن نەسىھەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىقنىڭ سېماسىنى كۆرىمىز: «ئەي ئوغۇللىرىم، كۆڭلۈم كۆپ تارتىپ تۇرىدۇ، ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، كۆككە چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ، كۈن، ئاي، يۇلتۇز قۇچۇڭلار تۈن قاراشغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار، ئاسمان، تاغ، دېڭىز قۇچۇڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار! شۇنىڭ بىلەن كۆچەيلەن تۈن قاراشغۇسى تەرەپكە، كۆچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە كەتتى، كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقتىلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئوغۇزخان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى

24

بەت 33

ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى: ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار. يەنە شۇندىن كېيىن، ئاسمان، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئوغۇزخان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچكە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى، ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بويسۇنۇڭلار.» ① يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئوغۇز خاقان (ئەل - دۆلەتنىڭ سىمۋولى) ئالتۇن قىسمەتلىك (ئىمتىيازلىق) ئالتۇن ئورۇقلۇق ئوغۇللار، كۈمۈش قىسمەتلىك (ئىمتىيازلىق) كۈمۈش ئورۇقلۇق ئوغۇللار بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىدۇ، ئوغۇز خاقان بىر ئاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆك تەڭرى ئەۋەتكەن خوتۇنىدىن بولغان كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئىسىملىك ئوغۇللىرى، زېمىندىن تۆرەلگەن خوتۇنىدىن بولغان ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ ئالتىە پەرەزەنتىگە ئەل - ۋەتەننىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، بۇلارغا مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئوغۇزخان ئوغۇللىرىغا ساداقەت ۋە ئابادانلىقتا ئۈلگە بولىدۇ، قەھرىمانلىقتا نەمۇنە بولىدۇ، ئوغۇللىرىمۇ ساداقەت ۋە ئابادانلىق بىلەن ئوغۇز خاقاننى شادلاندۇرىدۇ، ئاخىرىدا ئوغۇز خاقان ئەل - ۋەتەننىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، دۆلەت، خەلقنىڭ تەقدىرى ۋە تىزگىنى ئالتىە ئوغۇلنىڭ ئىناق - ئىتتىپاقلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا ناھايىتى خاسىيەتلىك ۋە ھېكمەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلىپ، كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىنىڭ لازىملىقى، ھەرگىزمۇ باشباشتاقلىق قىلىپ، ئاريدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىپ

25

بەت 34

قويماسلىقى لازىملىقىنى قاتتىق تاپىلايدۇ، ئالتۇن ياغا يەنى چوڭ ئوغۇللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ، كۈمۈش ئوق يەنى كىچىك ئوغۇللىرىنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكلىشىنى، ئەمىرىگە ئىتائەت قىلىشىنى تاپىلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئوغۇز خاقاننىڭ ئالتۇن قىسمەتلىك (ئىمتىيازلىق) ئوغۇللىرى بىلەن كۈمۈش قىسمەتلىك (ئىمتىيازلىق) ئوغۇللىرىنىڭ ۋەزىپە مەجبۇرىيەتلىرىدە، چوڭ ئوغۇللىرى باشلامچى، يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى، كىچىك ئوغۇللىرى بويسۇنغۇچى، ئەگىشىكۈچى ئورۇندا تۇرۇشى بالىلارنىڭ ياش جەھەتتىكى پەرقى، ئاكىلار ئاكىلارنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئومۇمىي قائىدىدىن باشقا بۇ يەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئامىل نەسەب، چۈنكى چوڭ ئوغۇللار كۆك تەڭرى چۈشۈرگەن ئىلاھىي ئايالدىن تۇغۇلغان، كىچىك ئوغۇللار زېمىندىن تۆرەلگەن ئايالدىن تۇغۇلغان. نەسەل، نەسەب بولۇپمۇ ھاكىمىيەت ئىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» تە نەسەل، نەسەبگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى قايتا-قايتا تەكىتلىنىدۇ، بىرى ياخشى تەبىئەتلىك، پاك، تەقۋادار ئاياللاردىن ياخشى، ياراملىق، پاك تەبىئەتلىك بالىلار تۇغۇلىدۇ، ناپاك نەسەلدىن ياخشى تەبىئەتلىك بالىلار تۇغۇلمايدۇ، شۇڭا خوتۇن ئېلىشتا تۇخۇم-ئۇرۇقنى ياخشى سۈرۈشتۈرۈش ئائىلە بەختى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ياراملىق ئەۋلادلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ:

4476 تېگى ياخشى بولسۇن، تۇخۇم ۋە ئۇرۇغ، ئۇياتچان ۋە تەقۋا ئۆزى بەك ئېرىغ.

ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە مايىل بولىدىغانلىقى، ئەسلى نەسلىنى تارتىدىغانلىقى تەبىئىي قانۇنىيەت.

بەت 35

لەرىنىڭ بىرى، ھەرگىزمۇ سادىن ئاق قو تۇغۇلمايدۇ، ئىتتىن شىر تۇغۇلمايدۇ، سادىن سا، ئاق قۇدىن ئاققۇ، ئىتتىن ئىت، شىردىن شىر تۇغۇلۇيدۇ. ئىنسانمۇ بۇ قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس. گەرچە ئادەمدىن ئادەم تۇغۇلۇسىمۇ، لېكىن ئادەملەرنىڭ تەبىئىتى، خاراكتېرى - مىجەزى بىر - بىرىدىن پەرق بولىدۇ، كۆرۈنۈشتە ھەر ئادەم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچكى دۇنياسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بولىدۇ، شۇڭا بۇ دۇنيادا ئالىيجانابلىق، پاكلىقمۇ بار، رەزىللىك ۋە ناپاكلىقلارمو بار، بىرىنىڭ تەبىئىتى ياخشىلىققا مايىل بولسا، يەنە بىرىنىڭ تەبىئىتى يامانلىققا مايىل بولىدۇ؛ بەزىلەر قانائەتچان، ئىنسابلىق بولسا، بەزىلەر قانائەتسىز، نائىنساپ، نەپسىبەلەڭچى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ: «نەپس كۆزنى گۆر توپىسىدىن باشقا نەرسىلەر تولدۇرالمايدۇ» دېگەن گەپ بار. بۇمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ نەسىلى، نەسەب توغرىسىدا: «ياخشى نەسلىدىن چاتاق چىقمايدۇ» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن ئىدى. ئەزەلدىن پەس تەبىئەتلىك كىشىلەردىن ئاپا كەلگەن ئەمەس، ناچار تەبىئەتلىك كىشىلەرگە نەسىھەتمۇ، تايىق - توقماقمۇ كار قىلمايدۇ، ئېسىل تەبىئەتلىك ئادەم ھەرقانداق قىيىن شارائىتلاردىمۇ، قاتمۇقات تەقىب ئاستىدىمۇ، ئىقتىسادىي قىزىقتۇرۇشلار ئالدىدىمۇ ھەرگىزمۇ ئىىرادىسىنى سۇندۇرمايدۇ، روھىنى، ۋىجدانىنى بولغىمايدۇ، ئۇنداق ياخشى تەبىئەتلىك ئادەم نومۇسنى بولغايدىغان ھەرقانداق بىر يامان ئىشنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولۇپ قېلىشىدىن ئۆلۈمنى ئارتۇق بىلىدۇ. تەبىئىتى پەس ئادەمچۇ؟ بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىمۇ سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ، ھەرقانداق رەزىللىكلەرنى قىلىشتىن خورلۇق ھېس قىلمايدۇ.

ئىسلامىيەت دەۋرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يوشۇرۇن دەۋەتتىن ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن رىيازەتلەرنى تارتتى، تۆھمەتلەرگە ئۇچرىدى، بۇلاردىن ئەڭ

27

بەت 36

كۆپ پىتنە - پاسات تارقاتقانلار ئىچىدە ئەبۇلەھەب بىلەن ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ئەڭ قەبىھ ئىدى، بۇلار پەيغەمبىرىمىزنى، ھەقنى ئىنكار قىلاتتى، كىشىلەرنى ھەققە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتەتتى. بۇ ھەقتە مۇنداق ئايەت نازىل بولغان. «قەسەمخور، پەس، غەيۋەخور، سۆخنىچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن.» (قەلەم سۈرىسى 10 ~ 13 - ئايەت) يۇقىرىقى ئايەتتە ۋەلىد ئىبنى مۇغىرەنىڭ شۇنچە ئەسكى تەبىئەتلىك بولۇشىغا نەسەبى - نەسەبىنىڭ پاك بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەسكى تەبىئىتىنى ھاسىل قىلىشقا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكى روشەن بولىدۇ. ئەل ئارىسىدا ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسىنى «ھارامدىن بولغان» دېگەن يامان ئاتاق بىلەن سۈپەتلەيدۇ. چۈنكى ھارامدىن بولغان ئادەم ناپاكلىقنىڭ، زىناخورلۇقنىڭ، ئاسىيلىقنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ناپاكلىق، ئاسىيلىق، نەپسانىيەتچىلىك ئىڭى سىڭگەن. ئۇنداق ئادەملەردىن ھەرگىزمۇ ۋاپا كەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ قارا نىيىتى ۋە شۇم تەبىئىتى بىلەن ئالەم يۈزىنى قارا قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.

پاك نەسەل، ئەسىل ئۇرۇقنىڭ ئەۋلادلىرى ئىنسانىيەت تارىخىدا بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقان كىشىلەردۇر. ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەسەبى شۇنداق ئەسىل ئىدى، بۇ ھەقتە مۇھەممەد خۇزەرى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابىدا ئاتا ۋە ئانا جەمەتلەرنىڭ نەسەبىنى بىرمۇ بىر ساناپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «قىسقىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى ئىبراھىمنىڭ ئوغلىغا يەنى كېيىن ئەربلىشىپ كەتكەن ئەرەبلەرنىڭ ئاتىسى ئىسمائىلغا يېتىپ بارغانلىقى مەسىلىسىدە تارىخ ئالىملىرى ۋە مۇھەددىس ئالىملارنىڭ پىكرى بىردەك، كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، مۇ[Footer] 28

بەت 37

ھەممە ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى ئېسىل نەسەب، پاك ئاتىلار، پاك ئانىلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىدىكى ئاتىلىرىنىڭ پۇشتىدىن ئانىلىرىنىڭ قارنىغا يۆتكىلىپ، ئاخىرى تۇغۇلۇش بىلەن ئاللا ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى ئەرەبلەر ئىچىدە ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولغان قۇرەيش قەبىلىسىدىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەنجىرسىمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېسىل زاتلار، ئەربابلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەر چاكىنا ئادەمنى ئۇچراتمايسىز، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئانا تەرەپ ئەجدادلىرىمۇ نوپۇزلۇق، ئاتاقلىق قەبىلىلەردىن ئىدى. شۈبھىسىزكى، نەسەبى ئېسىل، تېگى پاك بولۇش پەيغەمبەرلىكنىڭ شەرتلىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى، ئەرەبلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە، قانۇنىي يول بىلەن بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى جاھالىيەتنىڭ پاھىشىۋازلىقلىرى بىلەن بولغانمىغان. خۇداغا شۈكۈر، ئاللا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭدىن پاك قىلغان». ① بۇنىڭدىن مەلۇم بولدۇكى، پاك نەسەب، ئېسىل ئۇرۇق ئادەملەر ئاللانىڭ رەھمىتىگە كۆپرەك ئېرىشىدىكەن، ناپاكلىقتىن ناپاكلىق سادىر بولغانلىقى ئۈچۈن مۇڭرەگە ئوخشاش ئاللانىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىكەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ياراملىق ئادەملەرنى جەمئىيەتكە چىقىشتا نەسەل-نەسەبگە ئېتىبار بېرىشكە چاقىرىدۇ، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت مەسىلىسىدە بۇنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

108 ئېي خۇيى گۈزەل، پاك نەسەب، پاك ئۇرۇق، جاھان قالمىسۇن سەندىن ھەرگىز قۇرۇق.


① مۇھەممەد خۇزەرى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 8-9-بەتلەر.

بەت 38
  1. «قۇتادغۇبىلىك» — 11 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ پېداگوگىكىلىق ئەسەر

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11 - ئەسىردىكى ئېسىل نەسەبلىك، ئوقۇمۇشلۇق، تەقۋادار، پاك مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇنى ئاتا - ئانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەلىم - تەربىيە ئەنئەنىسى بىلەن ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنىڭ تەلەپىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەتراپلىق تەربىيىگە ئىگە قىلغان. بىز يۈسۈپنىڭ تەقدىرسىز ئىستېداتى، خاراكتېرى ۋە پەزىلىتىدىن ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆز دەۋرىدە قانچىلىك زور ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى تەسىۋۋۇر قىلالايمىز، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى توغرىسىدا مۇنداق ئۇچۇرلارنى قالدۇرىدۇ: «ھەي تەلىم، ياراتقۇچىنى، يامانلىقنى مەندىن يىراق قىلغۇچى ئىگەمنى تونۇماي مەدەھىيىلە. ئۇ تاللاپ مېنى ياراتتى ۋە قەلبىمنى يورۇتتى، ھىدايەت يولى بىلەن قەلبىمنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلدى. قاراڭغۇدا ئىدىم، تۈنۈمنى يورۇتتى، زۇلمەتتە ئىدىم، كۈنۈمنى تۇغدۇردى، ئادىشىپ تېنەپ يۈرگىنىمدە يولۇمنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزى ساقلىمىغان بولسا ئوتتا كۆيەتتىم. ئۇ مېنى تاللاپ يۈكسەلدۈردى. ئازغان يولدىن تارتىپ چىقىرىپ، ھىدايەت يولىغا سالدى. دىلىمنى يورۇقلۇق بىلەن بېزىدى، تىلىمنى شاھادەت بىلەن زىننەتلىدى. ئۇ ماڭا كۆڭۈل، كۆز، بىلىم، ئەقىل بەردى ۋە تىلىمنى راۋان قىلىپ سۆزلەشكە يول ئاچتى. مېنى يېتەكلىگۈچى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدۇر، پەيغەمبىرىمىزلا ماڭا يول كۆرسەتكۈچى بولسۇن. ئۇ مەندەك تايىنىشسىز قۇلنى قەدىرلىك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىگەم ئاتا قىلغان پەزىلەتتىن بولدى. يىلاپ، ئايلاپ ياشىساممۇ ئىگەمگە بولغان شۈكۈرۈمنى قانداقمۇ ئادا قىلىپ بولاي؟!» (381 - 390) بۇنىڭدىن بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەربىيىلىنىش يۆنىلىشىنى بىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادىنىڭ قانچىلىك

بەت 39

چوڭقۇرلىقىنى، ئىمان نۇرىنىڭ قانچىلىك نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ناھايىتى روشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى شۇنچە يۈكسەك كامالەتكە يەتكۈزگەن ئىدىيە قانداقتۇر بىرەر ئىزباسار بولماستىن، بەلكى ئىسلام روھى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسىرىگە ئىسلام روھى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن. پەرزەنت تەربىيىسى مەزمۇن قىلىنغان سەھىپىلىرىدە ئىسلام روھى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەلىم - تەربىيە ئەندىزىسى ئورگانىك ھالدا يۇغۇرۇلغان. ئەسەردە ئورۇن ئالغان نۇرغۇن مەزمۇنلاردا ئۇيغۇرلاردىن چىققان بەگ، يابغۇ، سانغۇن، ھېكىم، ئالىم، شائىر، كۆپنى كۆرگەنلەرنىڭ نەسىھەتلىرىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ پىكىرنى ئىلمىي ئاساسقا ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە قىلىدۇ.

273 كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ تۈركچە مەسەل، بۇنى ئىبرەتتىن مەن مۇشۇ يەردە دەل:

274 ئەقىل كۆرۈكى تىلدۇر، بۇ تىل كۆرۈكى سۆز، كىشى تۈركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆرۈكى كۆز.

4152 نېمە دەيدۇ ئاقىل، قېرىلار سۆزى، قېرى سۆزى تۇتسا، ئېچىلغاي كۆزى:

4153 ئۇلۇغقا ھۆرمەت بۇ، جاھان قانۇنى، ئۇلۇغ كەلسە قويۇپ كۈتۈپ ئال ئۇنى.

4154 كىچىكتۇر كىچىكتىن ئۇلۇغقا ھۆرمەت، ئۇلۇغمۇ كىچىككە قىلۇر قېيىنى.

بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭدىن ئالىمنىڭ ئەنئەنىگە

بەت 40

قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

«قۇتادغۇبىلىك» ئىنسانىيەت تارىخىدا دۇنياغا كەلگەن ئەۋلاد تەربىيىلىنىشى مەقسەت قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن مەزمۇن يورۇتۇلغان ۋە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان يېگانە ئەسەر، ئۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى ئىسلامىيەتتىن كېيىن بولسۇن، ئەۋلاد تەربىيىسىگە بېغىشلاپ يېزىلغان مەخسۇس تەلىم-تەربىيە خاراكتېرىنى ئالغان پېداگوگىكىلىق ئەسەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، بىز بۇنىڭ ئالدىدا ئۆتۈدىغان يەنە بىر پېداگوگىكىلىق ئەسەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ۋاقىپ ئەمەسمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنى يېتۈك ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيىلەش مەقسىتىدە بۇ ئەسەرنى يازغانلىقى ئۈچۈن، ئەۋلادلارغا بايان قىلغان: «ھەي ھېكىم، تىلىكىم، ئارزۇيۇم كېيىنكى ئەۋلادلارغا يادىكار قالغۇدەك سۆزنى سۆزلەش ئىدى» (192) دېگەن سۆزىمۇ ئەسەرنىڭ مەخسۇس تەلىم-تەربىيەنى نىشان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىراق ئەسەر ھەرگىزمۇ «قابۇسنامە»، «سىياسەتنامە»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» كەبى ئەسەرلەرگە ئوخشاش نوقۇل نەسىھەت ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تەلىم-تەربىيە ئەسىرى ئەمەس. ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى، مەكتەپ مائارىپى، ئوردا مائارىپى ۋە ئاۋام مائارىپى ئەنئەنىسىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىدە شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى ناھايىتى مۇستەھكەم ئورگانىك بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئائىلە تەلىم-تەربىيە ئەندىزىسى ئىككى قاتلام بويىچە بايان قىلىنىدۇ. بىرىنچى قاتلام چوڭ ئاساسىي قاتلام بولۇپ، بۇ قاتلامدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ شەخسەن ئۆزى مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، ياشاش يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت نىشانىغا توغرا تەلىم قادايدۇ، ئەدەپ[Footer] 32

بەت 41

ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن تەربىيىسىنى بېرىدۇ، كۆزلەرنى ئېچىپ، قەلبلىرىنى يورۇتىدۇ، تۇرمۇشنى، ھاياتنى سۆيۈشكە ئۆگىتىدۇ، ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ، يامانلىق يوللىرىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، شەخس ھاياتى بىلەن ئومۇمنىڭ ھاياتىنى بىر گەۋدە دەپ قاراشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ھەتتا ئادەتتىكى پەرزەنت تەربىيىلەش ئۇسۇلى ۋە چارىلىرىگىچە كونكرېت پىكىر بايان قىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ھەي ئوغلۇم» دەپ پىكىر بايان قىلىدۇ، ئۇ «ھەي ئوغلۇم» دەپ خىتاب قىلىۋاتقاندا، ئۇ يالغۇز بىرەر ئائىلە باشلىقى ياكى بىر يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەمەلدارلىق ئىمتىيازى بىلەن ئەمەس بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئوقۇمۇشلۇق، مېھرىبان، مەسئۇلىيەتچان ئاتىسى، سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ نەسىھەت قىلىدۇ «… ئەي دانا مەن سۆزلىرىمنى ئوغلۇمغا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇ مەندىن تۆۋەن تۇرىدۇ، قانداقمۇ ماڭا تەڭ بولالىسۇن؟ (186) ھەي ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى ساڭا سۆزلىدىم. بۇ نەسىھەتلىرىمنى سەن ئۈچۈن قىلدىم، ساڭا مەندىن ھەرقانچە ئالتۇن، كۈمۈش قالسىمۇ، بۇ سۆزلىرىمگە تەڭ كەلمە. كۈمۈشنى خەجلىسەڭ تۈگەيدۇ، يوقىلىدۇ، سۆزلىرىمنى يادىڭدا تۇتۇپ ئىشلەتسەڭ كۈمۈش قازىنىسەن.» (187-189) كىشىدىن كىشىگە مەڭگۈلۈك قالىدىغان مىراس سۆزدۇر ۋە قىلىنغان سۆزلەرنى ئېسىڭدە تۇتساڭ پايدىسى تۈگىمەستۇر، ھەي ياخشى يىگىت، ھاياتىڭ خۇشال-خوراملىقتا ئۆتسۈن، سۆزلىرىمنى زايه قىلماي كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇ» (190) يۇقىرىقى خىتابلار ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى پىكىر تاپشۇرۇش بابىدا بايان قىلىنىدۇ، ئۇ بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ پۈتۈن بالىلىرىغا ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىنى، ئىنسانىي قىممەتتىن ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، ئەقىل-پاراسەتنىڭ خاسىيىتى، بىلىم-مەرىپەتنىڭ

33

بەت 42

تولۇغلۇقتىن تەلىم - تەربىيە بېرىدۇ. ئەسەر بەزىلەر دېگەندەك يالغۇز پادىشاھلار ۋە شاھزادىلەرگىلا قىلىنغان نەسىھەت كىتابى ئەمەس، بەلكى ئۇ يۇقىرىدىن تارتىپ تۆۋەنگىچە، ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگىچە، يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقىلەرنى، زامان - ماكاننى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىر ئىستىقبالى توغرىسىدىكى ئەڭ ماھىيەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنتىزىم تەلىم - تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك - تۈمەن تراگېدىيىلەر ۋە نۇرغۇن كومېدىيىلىك ھاياتنىڭ مەنزىرىلىرىگە باشلاپ كىرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئومۇمىي نۇقتىدىن نۇرغۇن ئۆلگىلەردىن ۋاقىپلاندۇرىدۇ. ئەسەرگە «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئات قويۇلغانلىقى بۇ ئەسەر ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ بەخت سائادەت مەنزىلىگە يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. ئۇ شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنى، زاماننى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس چوققىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇ مانا شۇ چوققىدىكى مەسئۇلىيەتچىسى، دانا ئاتىسى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى سۈپىتىدە ئۇلارغا گۈزەل ئىستىقبال يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن نادىر مەنىۋى يېتەكچىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قاتلام ئائىلە تەربىيىسى يۆنىلىشىدە، ئايالدى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئائىلە مائارىپىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى مۇكەممەل ئۆلگە قىلىش ئارقىلىق نامايان قىلىپ بېرىدۇ، بىز ئەسەردىكى ئۆگىنىشنىڭ ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - مەرىپەت، ئەخلاقىي پەزىلەت جەھەتتە مۇكەممەل ئادەم بولۇپ يېتىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاربابى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدەك ئۆرنەكتىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنت تەربىيىلەش ئەندىزىسىنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى كۆرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ بىلەن ئەتراپلىق تەربىيە كۆرگەنلىكىنىڭ

بەت 43

خاسىيىتى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن ئون چوڭ مۇتەپەككۇرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مۇساپىسىنىڭ 11-ئەسىر سەھىپىسىدە چولپان بولۇپ پارلىغانلىقىنى تەسىۋۋۇر قىلالايمىز. خېلى كۆپ تەتقىقاتچىلار ئۆگدۈلمىشنىڭ بېدىئىي سىماسىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات كارتىنىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ دەپ قاراشماقتا. دېمىسىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ خېلى كۆپ تەرەپلەردە ئورتاقلىقى ۋە ئوخشاشلىقى بار.

«قۇتادغۇبىلىك»تە تەسۋىرلەنگەن ئىككىنچى مۇھىم شەخس بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى ئايتولدى بىلەن ئەسەردىكى ئۈچىنچى شەخس ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئېتى (ياكى سىمۋولى) ئۆگدۈلمىش ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ئاتا-بالىلىق مېھىر-مۇھەببەت، ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى ياراملىق، ئەقىل-پاراسەتلىك، پەزىلەتلىك، مۇكەممەل ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن قىلغان نەسىھەت، ۋەسىيەتلىرى ئارقىلىق ئائىلە ۋە تەلىم-تەربىيە تەلىپىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلە تەربىيىسىدىكى بىرىنچى ئاساسنى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ساپاسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ، ئايتولدى ئالدى بىلەن ياراملىق، ئوقۇمۇشلۇق، تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان، كۆيۈمچان بىر ئاتا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ يېتىلگەن دۆلەت ئەربابى. ئۇ ئائىلىسىگە، بالىسىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغىمۇ قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، بالىسىنىڭ غەمىنى قانداق يېسە دۆلەتنىڭ غەمىنىمۇ شۇنداق يەيدۇ، ئايتولدىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇ ھاياتى ئاخىرلىشىپ سەكراتقا چۈشكەن چاغدىمۇ يەنىلا دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ، بالىسىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ ئەلگە يارىشىنىڭ غەمىنى يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن

بەت 44

ئائىلە ۋە پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەئىتى بىردەكلىككە ئىگە. بىرىگە سەل قاراپ يەنە بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمسىز قۇرۇق ئۇرۇنۇش بولۇپ قالىدۇ، دۆلەتتە تىنچلىق، خاتىرجەملىك بولمىسا، ئائىلىلەر ۋەيران بولىدۇ، پەرزەنتلەرمۇ تەربىيىسىز قېلىپ قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ؛ پەرزەنتلەر ياراملىق، ئەتراپلىق، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلەنمىسە دۆلەتنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باسىدۇ، چۈنكى بىر دۆلەت پەقەت پادىشاھقا تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ساپاسى دۆلەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىنىڭ يادرولۇق توۋرىكى. پادىشاھ بولسۇن، پۇقرا بولسۇن ئائىلە بىلەن دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى بىر گەۋدە دەپ چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ياراملىق، ئەلگە پايدىلىق، ۋاپادار، شەخسىيەتسىز، پىداكار ئەزىمەتلەرنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن پەرزەنتلەرنى جەمئىيەتنىڭ ياراملىق بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.

پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە ئوق، ئائىلە يادرو. تارىختىن بېرى ئائىلە ساپاسى ۋە پەرزەنت تەربىيىلەش مەسىلىسى شۇ مىللەتنىڭ تەقدىر - ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئائىلە قۇرغاندىن كېيىنلا ئائىلە زىددىيىتى قانداق ھەل قىلىش، پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەشتىن ئىبارەت سىناققا دۇچ كەلدى، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ تۇنجى پەرزەنتلىرى بەنى ئادەمدىن يارالغان تۇنجى ئادەم ھابىل بىلەن قابىل ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن تراگېدىيىلىك ئاقىۋەتلەر، يەنى قابىل ئۆزىنىڭ شەخسىي نەپسى ئۈچۈن قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى ئادەم ئاتىدىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئېغىر جنايىتى ئىدى، مانا شۇ تۇنجى جنايەت ئائىلىدىن باشلانغان، ئائىلىنى مەنبە قىلغان. ئادەم ئاتا پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ قىلىشنى ھار

بەت 45

ئالدىغان قەبىھ قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قابىلنى ئاللانىڭ قەھرى بىلەن يەر يۇتقان. ئىنسانلار جەمئىيەت شەكىلدە تەشكىل تاپقاندىن كېيىن ئائىلە تەدرىجىي ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي پائالىيەت مەركىزى بولۇش رولىنى ئۆتەپ كەلدى، ۋەھالەنكى ئائىلىسىز مىللەتمۇ، ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان دۆلەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس، مۇھەببەت، نىكاھ، جىنسىي تۇرمۇش، ئائىلە تەربىيىسى، كۈندىلىك تۇرمۇش مەئىشىتى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورىنىڭ تۇنجى تۈگۈنى ئائىلىدىن چىگىلگەن ئىدى. شۇڭا ئائىلە قەدىمدىن ھازىرغىچە جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرغان ھايات بەخش مۆجىزە، ئۇ ھەم مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەۋەللۇت قىلىپ يېتىلدۈرىدىغان ئانتروپولوگىيىلىك بۇلاق، ھەم جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىياپىتىگە پەۋقۇلاددە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان پائالىيەت مەركىزى. قەدىمدىن بېرى بىر مىللەتنىڭ جەمئىيەت گەۋدىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە كامالەت دەرىجىسى ئائىلە ھۆجەيرىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە كامالەت دەرىجىسىگە باغلىق بولۇپ كەلدى. ئائىلىنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساپاسىغا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى گۇمران بولۇشىغا پەۋقۇلاددە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. تارىختىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ ھالاكەت ئوتى ئالدى بىلەن ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ تۇتاشقانلىقى ۋە يەنە شۇ ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ كېڭەيگەن ۋە ئومۇملاشقانلىقى تارىخ ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىغان. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم» دە تارىختىكى نۇرغۇن قەۋملەرنىڭ بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتكەنلىكى، بىر - بىرىنى يامانلىقتىن توسۇپ ياخشىلىققا دەۋەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلگەن. «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز. ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى.» (سۈرە ئەنكەبۇت 31 - ئايەت)

37

بەت 46

ئائىلە دېگەن مىللىي تىپتىكى ئىنسانلار تۈركۈمى، مىللىي تىپتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىجادكارى ۋە داۋاملاشتۇرغۇچىسىدۇر. ئائىلە چوك جەمئىيەت بىرلىكىنى تەشكىل قىلغان ھۆجەيرە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئالدى بىلەن مىللەت تۇپرىقىدا ئۆسكەن، مىللىي مەدەنىيەت قوينىدا تاكامۇللاشقان مەدەنىيەت بىرلىكىدۇر. ئائىلىدىن شۇ مىللەتنىڭ نۇپۇسى يېتىلىدۇ، مىللەتنىڭ ئەزالىرى، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي تىل - يېزىقى، ئۆي - روزىغار تۇتۇش، قائىدە - يوسۇن، مىجەز - خۇلق، مىللىي پىسخىكا، مىللىي سەنئەت قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بارلىققا كېلىدۇ، يەنە شۇ ئائىلىدىن مىللىي قەھرىمانلار، مىللەتنىڭ پەخرى ۋە ئىپتىخارى بولغان مىللىي داھىيلار ۋە ئالىملار يېتىشىپ چىقىدۇ، ۋەتەن خائىنلىرى، ساتقىنلار، مۇناپىقلار، نەپسىگە ئەسىر بولغان، ئۆزىنى قۇللۇققا مەھكۇم قىلغان ئەڭ پەس تەبىئەتلىك ئادەملەرمۇ يەنىلا شۇ ئائىلىنىڭ مەھسۇلاتى سۈپىتىدە جەمئىيەتكە ئاپەت كەلتۈرىدۇ. ئىرسىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ناھايىتى روشەنكى، يۇقىرى ساپالىق ئائىلىدىن يۇقىرى ساپالىق پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقىدۇ، تۆۋەن ساپالىق ئائىلىدىن يۇقىرى ساپالىق پەرزەنتنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ناتايىن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك، تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان ئائىلىلەر مىللەت گەۋدىسىدىكى تۆھپىكار ئەۋلادلارنىڭ يېتىلدۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالقىشقا، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تۆۋەن ساپالىق ئائىلىلەر لەنەتلىك، زىيانداش بىر قۇچۇم داشقال بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىكتۇر.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ئەڭ گۈللەنگەن، قۇدرەت تاپقان، مەدەنىيەت جەھەتتە بايراقتار بولغان چاغلىرى ئائىلە بىلەن جەمئىيەت ھەقىقىي مەنىدىكى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان دەۋرلەر ئىدى، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، ھاقارەتلەنگەن، قۇللۇق، مەھكۇملۇق ئاسارىتىگە چۈشۈپ قالغان چاغلىرى ئائىلە ساپاسى تۆۋەنلەپ، كىشىلەر

بەت 47

مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى تەرەككەيىتتۈرۈپ شەخسىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋاتقان، بۆزۈلۈش، چۈشكۈنلىشىش ئېغىر بولغان دەۋرلەر ئىدى. ئۇيغۇرلار 10-ئەسىرلەردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئائىلە تۈزۈمى ۋە پەرزەنت تەربىيەلەش تۈزۈمى ئەنئەنىسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئائىلە تۈزۈمى ۋە پەرزەنت تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئاساسىدا ئۆزىنى قايتىدىن قۇردى، ۋاھالەنكى ئىسلام دىنى تارىختىكى ھەرقانداق بىر دىنىي ئېقىمدىن يېڭى ۋە ئىلغار ھەم ھېكمەتكە تويۇنغانلىقى بىلەن ئائىلىلەرنى پارلاق بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىگە باشلاپ كىردى، جامائەتكە ئىنسانلارچە ياشاشنىڭ بۈيۈك مەنىۋى قورالىنى تەقدىم قىلدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئالەمدىكى ئورنىنى، قىممىتىنى بىلىش، ئادەمنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش، تەڭلىك، باراۋەرلىك بىلەن دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن تىرىشقا چاقىردى، شۇنىڭ بىلەن ياشاش، ھاياتلىق مۇددىئاسى ۋە مەقسىتى، قىممەت قارىشى ۋە ئائىلە قارىشىدىمۇ تۈپۈلۈك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى، ئائىلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى، ئىسلام دىنىدا دەۋەت قىلىنغان پۈتكۈل ئەقىدە سىستېمىسىنىڭ ئۆمۈرتقىسىدا شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەت بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئورگانىك مۇجەسسىمى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. شەخسىي كامالەت ئائىلە كامالىتىگە، ئائىلە كامالىتى جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ كامالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە بىر پۈتۈنلۈك ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇڭا ئائىلىنىڭ بەربات بولۇشى جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ بەربات بولۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى، ئائىلە ئەخلاقنىڭ بۆزۈلۈشى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ ئەخلاقىي سىستېمىسىدا مەنىۋى ئېستېمالنىڭ تۈنجى مەنبەسىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

39

بەت 48

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلىنىڭ گۇمران بولۇشقا يۈز تۇتقانلىقى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنىڭ، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، ئائىلىدە مەسئۇلىيەت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پاھىشىۋازلىق، زىناخورلۇققا ئوخشاش يامان قەبىھ قىلمىشلار باش كۆتۈرگەنلىكى، كەيىپ - ساپاغا بېرىلىش، ھاراق - شارابقا دۇم چۈشۈش بىلەن ئەقىدە - ئېتىقاد كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، ھايۋان سۈپەت مەخلۇقلار جەمئىيەت ئېتىكىنى بۇلغايدىغان، دۆلەتنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىدىغان خەۋپلىك بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈگەن: «نەسىھەت دېگەن سۆزلا قالدى، ئۇنى ئادا قىلغۇچى قېنى؟ قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى؟ قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى» (6471 - 6472)، «سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇدى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار نەسىھەتنى تەرك ئەتتى» (6473)، «ئاياللاردىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ، يۈزلىرىنى ياپماس بولدى»، «ئوغۇل ئاتىسىغا ئاتىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا بولغۇچى قۇل بولۇۋاتىدۇ، ئوغۇل - قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى، (قېرى) دېگەن ھۆرمەتلىك نام ئەمدى ھاقارەت بولۇپ قالدى، يامانلارنى كۆرۈپ ياخشىلارمۇ ئاينىدى»①، «بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەتنىڭ بەلگىسىدۇر». يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنداق بولۇشنى ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دەپ قارايدۇ. بۇ خىل بۇزۇلۇشنىڭ دۆلەتنىڭ تەقدىر ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان خەۋپ - خەتەردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى قانۇن - تۈزۈم ئارقىلىق ئائىلىنى قۇتۇلدۇرۇش، ئائىلىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئومۇمىي مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

«قۇتادغۇ بىلىك» تە قانۇن - تۈزۈمنى ياخشىلاپ، ئائىلىلەرنىڭ

--- [Footer] ① «قۇتادغۇ بىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىل نەشرى، 6485 -، 6491 - 6493 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى. 40

بەت 49

ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ، ئائىلىلەرنىڭ ئىلغار، ئاكتىپچانلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ ئېتىبار بېرىلگەن. كۈنتۇغدى ئەلنىڭ دۆلەت ۋە قانۇننىڭ سىمۋولى، ئايتولدى كۈنتۇغدى ھامىيلىق قىلىۋاتقان ئائىلىنىڭ ھەم بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى، ئۆگدۈلمىش كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىنىپ چىقىلغان ئەقىل - پاراسەتلىك، پەزىلەتلىك، ساپالىق پەرزەنتلەرنىڭ تىپى. بۇ ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرى، ئۇ مۇكەممەل بىر ئادەم، يەنە بىرى، ئۇ قابىلىيەتلىك رەھبەر. (ئۇنىڭ رەھبەرلىك جەھەتتىكى تەلىم - تەربىيە يۆنىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى ئەسىرىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بايان قىلىنىدۇ.)

3. مىللەتنىڭ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلىنىڭ ساپاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، بەلكى ئانىلارنىڭ ساپاسى ۋە پاك - دىيانىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ ۋە ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئانىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

قەدىمدىن بېرى ئائىلىنىڭ بەختى، پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ نېگىزى ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە ئەر - ئاياللارنىڭ دىيانىتىگە باغلىنىپ كەلدى. ئائىلە خىيانەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، ئائىلىنى خانىۋەيران قىلىپلا قالماي، بەلكى پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىر - ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ.

تارىختا نۇرغۇن تەقۋادار ئەر - خوتۇنلار بارلىققا كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئارقا سەپ مەدەتكارى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولسا، يەنە بەزى خىيانەتچى، پاسىق ئەر - خوتۇنلارمۇ ئائىلە قۇرۇپ، پاك زېمىننىڭ ئېتىكىنى بۇلغاشتى، دىيانەتلىك خوتۇنلار

بەت 50

ئائىلىدە ئەۋلادنى گۈل قىلىپ سۆيۈندۈردى، پەرزەنتلەر دىيانەتلىك ئاياللار قولىدا پاك، ساغلام ئۆستى، دىيانەتلىك ئاياللار سەۋەبلىك بۇ دۇنيا شۇنچە گۈزەل ۋە شۇنچە جەلپكار، ئاياللارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن دۇنيا شۇنداق سۆيۈملۈك ھەم مېھرىبان.

ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر قىسىم نائەھلى، ناپاك خوتۇنلارمۇ ئۆتتىكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇم نىيەتلىرى، نەپسانىيەتلىرى ئۈچۈن ئالەم يۈزىنى كېچىدەك قارايتاتتى، گۈلدەك شاھزادىلەرگە قانائەت قىلماي زەھەرلىك قوللىرىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى، نى-نى باھادىر ئەزىمەتلەرنى تىرىك يەرگە كۆمدى، شۇنچە ياخشى ئائىلىلەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇشتى، ئۇلار بۇ پاك تۇپراقنى ناپاك ئىتەكىلىرى بىلەن بۇلغاشتى، مانا شۇنداق ناپاكلىق دەستىدىن پۈتۈن بىر قەۋمگە ھالاكەت كېلىپ كېلىشتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاياللارنىڭ دىيانەتلىك بولۇشى ۋە ئەۋلادلارغا كۆرسىتىدىغان ساخاۋىتى ۋە ئاپىتى توغرىسىدا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ، بۇنداق بولۇشتا بىرى، ئۇ تارىخىي تەجرىبىلەردىن يەكۈنلىگەن بولسا، يەنە بىرى ئىسلام روھى بويىچە پىكىر بايان قىلىدۇ، چۈنكى «قۇرئان كەرىم» دە ئاياللارنىڭ دىيانىتى بىلەن ئاتا قىلىنغان رەھمەت، ئاياللارنىڭ خىيانىتى بىلەن ئۇچرىغان كۈلپەتلەر توغرىسىدا نۇرغۇن قەۋملەرنىڭ مىساللىرىنى كەلتۈرگەن، نۇھ ئەلەيھىسسالام، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ مىسالىدا: «ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمىرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە خىيانەت قىلدى، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى.» (66-سۈرە تەھرىم 10-ئايەت) ئارقىدىن مەريەمنىڭ مىسالىنى بېرىدۇ: «ئۇ نومۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق

بەت 51

( دەم ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەيساغا ھامىلدار بولدى) ، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە نازىل قىلىنغان كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى.» (66 - سۈرە تەھرىم 12 - ئايەت) يۇقىرىقى ئايەتتە ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما بېرىلگەن. بىرى، نۇھ بىلەن لۇتنىڭ ئاياللىرى گەرچە پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى بولسىمۇ، پەيغەمبەرلەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمرلىرىگە ئىشەنمىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن قەۋمى بىلەن تەڭ ھالاك بولدى. مەريەم پاك بولغانلىقى، ئاللاھتىن ھايا قىلغان، نومۇسىنى ساقلايدىغان دىيانەتلىك ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەيسا تۇغۇلدى. بۇنىڭدىن بىر بېشارەتنى كۆرىمىزكى، پاك دىيانەتلىك ئاياللاردىن دىيانەتلىك، پاك روھلۇق بالىلار تۇغۇلىدۇ. دىيانەتسىز ئاياللاردىن ئەلگە ئاپەت بولىدىغان شۇم تەبىئەتلىك بالىلار تۇغۇلىدۇ. قۇرئاندا ئىسرائىللارنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇزۇقچىلىق ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدىن باشلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كاتتا ئىسلام ئۆلىماسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسىرگە ئىسلامنىڭ روھىنى ناھايىتى چوڭقۇر سىڭدۈرگەن ۋە شۇ ئاساستا پىكىر بايان قىلغان. ئۇ تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئائىلىنىڭ بەختى، پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىرى، ئەلنىڭ تەختى ئاياللارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

1523 نېچە مىڭ جەسۇر ئەر يىگىتلەر ئۆزى، خوتۇنلار تۈپەيلى قۇرۇدى يىلتىزى.

4524 تالاي ئابرۇيلۇق قىزىل يۈزلۈك ئەر، خوتۇنلار تۈپەيلى تۆۋەن بولدى يەر.

بەت 52

4525 تۈمەن مىڭ ئاتاقلىق باھادىرلارنى، خوتۇنلار تىرىك يەرگە كۆمدى ئۇنى.

نىكاھ ۋە ئائىلە ئىنسانلارنى ھايۋانات تۈركۈمىدىن ئايرىيدىغان مۇھىم بىر مەدەنىيەت سىستېمىسى. ئىنسانلار نىكاھ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مۇكەممەل ئائىلە ھوجەيرىسى سىستېمىسىنى قۇردى، بۇ كىچىك جەمئىيەت ئارقىلىق ئەر - ئايال، ئاتا - ئانا، پەرزەنت ۋە ئەۋلاد، ئەجداد، قېرىنداشلىق ھەم ئۇرۇقداشلىق سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇ بىرلىك ئاساسىدا ئۇرۇقداشلار، مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرگە تەرەققىي قىلىپ چوڭ ئىنسانلار ئائىلىسى جەمئىيىتى قارار تاپتى.

ئىنسانلار جەمئىيەت شەكىلگە كىرگەندىن كېيىن، ئائىلە تەدرىجىي ھالدا ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي پائالىيەت بىرلىكى بولۇش رولىنى ئۆتەپ كەلدى، ئائىلە ئەڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي كاتېگورىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ چېگىرىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىنسانلارنىڭ بىر پۈتۈن تۇرمۇش شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى. ۋەھالەنكى، ئائىلىسىز مىللەتمۇ، ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان دۆلەتمۇ مەۋجۇت بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەدىمدىن تارتىپ ھەرقانداق بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغان جەمئىيەت گەۋدىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە كامالەت دەرىجىسى ئائىلە ھوجەيرىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە كامالەت دەرىجىسىگە باغلىق بولۇپ كەلگەن، شۇڭا ئائىلىنىڭ ساپاسى جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساپاسىغا، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە پەۋقۇلئاددە تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئائىلە مىللىي تىپتىكى ئىنسانلار تۈركۈمى، مىللىي تىپتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىرىنچى ئىجادكارى ۋە داۋاملاشتۇرغۇچىسى، ئائىلىدىن شۇ جەمئىيەتنىڭ نۇپۇسى يېتىلىدۇ، مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي تىلى - يېزىقى، توي - تۆكۈن، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، مىللىي روھى ۋە مىللىي خاراكتېرى يېتىلىدۇ.

بەت 53

تۈرۈپ - ئادىتى، قائىدە - يوسۇنى، مىجەز - خۇلقى ۋە خاراكتېرى يېتىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئائىلە بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ مەنىدىن چىقىپ بىز ئائىلىنى بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە پەۋقۇلئاددە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان پائالىيەت مەركىزى دەيمىز. ئائىلە ساغلام بولسا جەمئىيەت ساغلام بولىدۇ. ئائىلە ھوجەيرىسىدە كېسەللىك كۆرۈنىدىكەن جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىمۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. ئائىلە تۈزۈلمەيدىكەن مىللەت تۈزۈلمەيدۇ، ئائىلىنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە ئاندىن مىللەتنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى گۇمران بولۇشى ئاخىرقى ھېسابتا ئائىلىنىڭ گۈللىنىشى ۋە گۇمران بولۇشىغا باغلىق. شۇڭا، مىللەتنى قۇتقۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئائىلىنى قۇتقۇلدۇرۇش كېرەك.

ئۇيغۇر خەلقى ئائىلىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئائىلىلىرىنى پاكلىق، ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇش ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە قەسىمى، شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى، ئۇنىڭ ھەر بىر شەخسى، ئائىلە ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان تەقدىرداشلىق باغلىنىشىنى كۆپ تەرەپتىن كۆرسىتىپ مۇكەممەل، ساپالىق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

بىرىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ نىكاھلىنىشنى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت دەپ كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئۆز دەۋرىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان تەركىدۇنيالىق تەشەببۇسىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، نىكاھ ۋە ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ پاكلىقىنى قوغداش، مىللەتنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ:

3371 خوتۇن ئال، ئۇ تۇغسۇن ئوغۇل - قىز قەۋەت، دېسە ئەۋلادى يوق، ئەرەن ئۈچۈن سەت.

بەت 54

3372 نېمە دەي، ئىشتىكىن كىشىلەر خىلى، خوتۇندۇر نەسىلنى تۈزمەيلىك يولى.

3373 ئوغۇل - قىزسىز ئۆتكەن پۇشايمان يەيدى، كېيىن كەلگۈچى قىل ئوغۇل - قىز دېدى.

3374 ئۆزىدىن بىر ئەۋلاد قالدۇرسا كېيىن، ئۇنى ئۆلدى دېمەي، تىرىكتۇر دېگىن.

3375 نەسىلسىز ئۆلسە ئەر، تۈگەيدۇ ئۇرۇق، جاھاندا ئات، ئورنى قالۇر بوش - قۇرۇق.

3370 يوق ئەرسە تىرىكچىلىك نىشان بەلگۈسى، ئۇنىڭ ياخشىلىقىن نەدىن بىلگۈسى.

مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقى چۈشەنگەن نىكاھنىڭ ئىجتىمائىي قانۇنىيىتى. نىكاھ شەخس ئۈچۈن تىرىكلىكنىڭ نىشانى، روزىغارنىڭ چىرىغىنى ياققۇچى. ئۆزىدىن نەسىل قالدۇرالغان كىشى پەرزەنتى ئارقىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئەر-خوتۇننىڭ جىسمى ۋە روھى بالىغا ئۆتىدۇ ۋە مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئەگەر نىكاھلىق بولماي پەرزەنتسىز ئۆتسە، ئۇنداق ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ھېچقانداق نام - نىشانى قالمايدۇ، ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنىڭ پەرقلىمۇ بولمايدۇ، مەلۇم مەنىدە نىكاھلىنىپ بالا - چاقىلىق بولۇش ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياراملىق پەرزەنت ئۇلارنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئەگەر پەرزەنتى مەشھۇر شەخسكە ئايلىنالسا، ئاتا - ئانىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ يادلىنىدۇ. دېمەك، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكى ئارقىلىق بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق ئاۋاتلاشتى، ئەگەر ئۇنداق قانۇنىيەت

بەت 55

بولمىغان بولسا تەبىئەت دۇنياسىنىمۇ، جەمئىيەتنىمۇ، ئەرنىمۇ، ئايالنىمۇ، ئائىلىنىمۇ، پەرزەنتنىمۇ، مىللەتنىمۇ، دۆلەتنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايتتى. ئەر - ئايالنىڭ بىر - بىرىگە مۇھتاجلىقى بىر ئۇلۇغ مۆجىزە، ئۇلارسىز ھاياتنىڭ مەنىسى يوق تۇر، ھاياتلىقمۇ يوقتۇر، بۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئاجايىپ مەپتۇنكار نېمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ شۇنچىلىك قۇدرەتلىك سېھرىي كۈچى بولمىغاندا ئىدى، ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا چوققۇر باغلىنىش بولمىغان، ئائىلىمۇ ۋۇجۇدقا كەلمىگەن بولاتتى. ئەگەر ئىنسانلار نىكاھلىنىشنى تەرك ئەتسە قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ. بىرى، «جاھان قانۇنى بۇزۇلۇپ، بارچە شەھەر - كەنت قۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنىڭ ئۇرۇقى قۇرۇيدۇ» (3652 - 3653). يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتتە ناپاكلىق ئەۋج ئالىدۇ. نەسەب ئارىلىشىپ كېتىپ، جەمئىيەت ئۆزىنىڭ نورمال جەمئىيەت بولۇش ئۆلچىمىنى بۇزۇپ، ھايۋانلىق تەرەپكە يۈزلىنىدۇ.

ئىككىنچى، نىكاھلىنىشتا جۈرۈسىنى ياخشى تاللاش ساغلام ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئەگەر ئائىلە ساغلام بولمىسا، پاكلىق، ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇلمىسا ئائىلىدە بەخت قارار تاپمايدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشىلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ئالدى بىلەن ئالماقچى بولغان خوتۇننىڭ نەسلى، نەسەبىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

4476 تېگى ياخشى بولسۇن تۇخۇم ھەم ئۇرۇغ، ئۇياتچان ۋە تەقۋا ئۆزى بەك ئېرىغ.

ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە مايىل بولىدىغانلىقى، ئەسلى نەسلىنى تارتىدىغانلىقى مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە

بەت 56

تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى، ھەرگىزمۇ جىگدە تۇرۇقدىن خورما ئۈنمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈنۈشتە بىر - بىرىدىن ئانچە پەرق قىلمىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر - بىرىدىن روشەن پەرق قىلىدۇ، شۇڭا بۇ دۇنيادا ئالىيجانابلىق، پاكلىقمۇ بار. رەزىللىك، ناپاكلىقمۇ بار، ئۇلۇغلۇقمۇ بار، پەسلىكمۇ بار، ياخشىلىقمۇ بار، يامانلىقمۇ بار. بىرى ئىجابىي تەرەپكە مايىل بولسا، يەنە بىرى سەلبىي تەرەپكە مايىل بولىدۇ. بەزىلەر قانائەتچان، ئىنسابلىق بولسا، بەزىلەر قانائەتسىز، ئىنساپسىز، نەپسانىيەتچى بولىدۇ، بۇنداقلارنىڭ كۆزىنى گۆر توپىسىدىن باشقا نەرسە تولدۇرالمايدۇ. بۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى. ئەزەلدىن پەس تەبىئەتلىك كىشىلەردىن ۋاپا كەلگەن ئەمەس. ئۇنداق كىشىلەرگە نەسىھەتمۇ، تايق - توقماقمۇ كار قىلمايدۇ، ئېسىل تەبىئەتلىك ئادەم ھەرقانداق قىيىن شارائىتلاردىمۇ، قاتتىق تىقىپ ئاستىدىمۇ، ئىقتىسادىي قىزىقتۇرۇشلار ئالدىدىمۇ ھەرگىز ئۆزىنىڭ روھىنى، ۋىجدانىنى بولغىمايدۇ، ئۇلار نومۇسنى بولغايدىغان ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ، تەبىئىتى پەس ئادەمچۇ؟ بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىمۇ سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ، شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادەمنىڭ نەسلى ئېسىل، پاك بولسا ئۇنىڭدا نومۇس بولىدۇ، تەقۋا بولىدۇ، پاك بولىدۇ، ياخشىلىققا مايىل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئېسىل تەبىئەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز - يىگىتلەرمۇ ياخشى تەربىيە كۆرگەن، ياخشى تەسىر ئالغان ۋە ياخشى تۇدۇم ئالغان بولىدۇ، ئۇ پەرزەنتلەرمۇ بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقىدۇ.

خوتۇنلارغا قويۇلىدىغان يەنە بىر تەلەپ، ئۇنىڭ ياتلىق بولمىغان، ئۆي قىزى بولۇش شەرتىدىن ئىبارەت.

بەت 57

4477 تېرىش، ئۆي قىزىنى ئال، قول تەگمىگەن، سېنىڭدىن بۆلەك ئەر يۈزىن كۆرمىگەن.

نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قولى تەگمىگەن پاك ئۆي قىزلىرىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ؟

4478 سېنىلا سۆيۈپ باشقىسىنى بىلمىگەي، يارامسىز، قىلىقسىز ئىشلار قىلمىغاي.

قىزلىق ئاياللارغا بېرىلگەن پاكلىق پېچىتى، ئۇنى ساقلاش قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلىتى، گەرچە نىكاھتىن ئىبارەت مۇقەددەس «يېپىقلاش» ئارقىلىق كىشىلەرگە پاكلىق تۇيغۇسىنى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەردىن ئەركە چىقىش، بىرىنى قويۇۋېتىپ يەنە بىرىنى ئېلىش ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا مەڭگۈ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خوتۇنلارغا قويغان ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى، ئۇلار پاك، تەقۋادار، ئۇقۇمۇشلۇق، ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇشتىن ئىبارەت. «ئۆيلەنگۈچىلەرگە مېنىڭ تەۋسىيەم شۇكى، ھەي باي خوتۇنغا ھېرىسمەن ئوغۇل، ئاگاھ بولغىنكى، خوتۇننىڭ قولى بولۇپ قالمايىسەن! ھەي گۈزەل جامالغا ھەۋەسمەن ئوغۇل، بەك گۈزەل خوتۇننى قوغلاشما، ئۇ سېنى كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قويمىسۇن، ئەي ئېسىل نەسەب، ئالىي ئورۇننى قوغلاشقۇچى ئەر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈڭنى خار قىلما، ھەي نازۇك، تەقۋادار، پەزىلەتلىك خوتۇنغا كۆڭۈل باغلىغان ئوغۇل، ئۇنداق خوتۇنغا ئېرىشەلىسەڭ يۇقىرىقى تۆت نەرسىگە تولۇق ئېرىشكەن بولىسەن، باي بولاي دېسەڭمۇ ئۇ خوتۇن بىر بايلىق، پەزىلىتى ياخشى بولسىلا گۈزەللىك دېگەن شۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك گۈزەللىك دېگەن شۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ قىممەت[Footer] 49

بەت 58

لىك گۈزەللىك ئەخلاق - پەزىلەتتۇر.» يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دەۋەتلەر رېئال تۇرمۇش قايتا - قايتا ئىسپاتلىغان ھەقىقەتلەر بولۇپ، ئۇ ئائىلىنىڭ بەختى، پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەلەپ.

ھەرقانداق بىر غۇرۇرلۇق ئەركەك شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، بىر ئائىلىنى چىراي گۈزەللىكىگە تايىنىپلا بەختلىك قىلغىلى بولمايدۇ، خوتۇن دېگەن ئۆينىڭ زىننەت بۇيۇمى ئەمەس، چىراي، نەسەب ۋە ئىقتىسادنى دەستەك قىلغان ئائىلىدە بەخت بولمايدۇ. دىيانەت بولغاندىلا يۇقىرىقى باشقا شەرتلەر ھازىر بولىدۇ، ئەگەر دىيانەت بولمىسا ئۇنداق خوتۇن ھەرقانچە ئاپتاپ بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئەڭ يىرگىنىشلىك، بەتبەشىرە خوتۇندۇر، بۇ ھەقتە لۇتفى شۇنداق دەيدۇ:

كىشىكىم يوقىتۇرۇر مېھرۇ ۋاپاسى، ئەگەر خۇرشىددۇر① ئاندىن نە ھاسىل؟②

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلىنىڭ بەختى ئۈچۈن كىشىلەرگە مۇنداق تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ: «خوتۇنۇڭنىڭ ئائىلىۋى ئورنى سېنىڭكىدىن تۆۋەنرەك بولسۇن، ھەرگىز ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا ئېسىلما، بولمىسا خوتۇننىڭ ئەسىرى بولۇپ قالىسەن؛ تۇرمۇشتا پىشقان تەجرىبىلىك كىشىلەر شۇڭا: <خوتۇننىڭ ئۆزىدىن تۈۋىنى، خۇلقى مىجەزى دۇرۇسنى تاللىساڭ كۈنلىرىڭ بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ> دېگەن. شۇڭا خوتۇن تاللىغاندا ھۆسن - جامال قوغلاشماي، پەزىلەتلىك قىزنى ئىزدە، خوتۇنۇڭ ئېسىل پەزىلەتلىك بولسا سېنى روناق تاپقۇزىدۇ، مەرد بولساڭ ئۆزۈڭگە مۇناسىپ خوتۇننى، تەقۋادارنى

--- [Footer] ① خۇرشىد — قۇياش، كۈن مەنىسىدە. ② شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىلى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئەۋرىشملىرى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. 50

بەت 59

ئال، بولمىسا خوتۇن ئالما، پەزىلىتى ياخشى، تەقۋادار بولسا ھەممە تەرەپتىن توشقان ھېسابلىنىدۇ. ھۆسن - جامال قوغلىشىپ خوتۇن ئېلىپ، قىزىل مەڭزىڭ زەپىرەدەك سارغىيىپ قالمىسۇن.» ①

شۇنداق، ناپاك، ئەسكى خوتۇن، بەجايكى شەيتاندۇركى، ئۇنداق ئايال بۇ دۇنيانى ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن دوزاخقا ئايلاندۇرۇپ قالماي، ئەلگىمۇ ئاپەت كەلتۈرىدۇ، تەقۋادار، پاك خوتۇنلار ئاددىي كېپەننى ئۆزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىپپەت قەسىرىگە ئايلاندۇرالايدۇ، پەزىلەتسىز خوتۇنلار ئىپپەت قەسىرلىرىنى گۆرىگە ئايلاندۇرۇشقا يارايدۇ، ياخشى ئانىغا ئېرىشكەن بالا ئەلنىڭ ئېپتىخارىغا ئايلىنىدۇ، ئىبلىس ئايالدىن تۆرەلگەن بالا ئەلگە بالا - قازا ئېلىپ كېلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ، پەزىلەتلىك ئاياللار قانائەتچان، جاپاكەش ئانىلاردۇر. ئۇلار شۇنداق تەلەپچان ۋە مەسئۇلىيەتچان، ھەرقانداق قىيىن شارائىتلاردىمۇ چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ ئۆي تۇتۇپ، بالىلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشىدۇ.

يەنە بىر نۇقتىدىن چىقىپ پىكىر يۈرگۈزگەندە، نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا زور تۆھپىلەرنى ياراتقان گىگانت ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلەردىن چىقتى؟ تۆۋەن تەبىقە كىشىلەر ئارىسىدىن مەشھۇر كىشىلەر ئاز چىقتى؟ بۇنىڭدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شەرت - شارائىت پەرقىدىن باشقا، ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەب يۇقىرى تەبىقىدىن چىققان ئانىلار مۇنتىزىم تەربىيە كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، ئۇلار ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ بىلەن تەربىيىلەنگەچكە، ئۇلارمۇ بالىلىرىغا شۇنداق يۇقىرى تەلەپ قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنداق ئوقۇمۇشلۇق، نەزەر دائىرىسى كەڭ ئانىلارنىڭ قولىدىن تەربىيىلىنىپ ئۆسكەن پەرزەنتلەر پاراسەتلىك ۋە قابىلىيەتلىك بولۇپ يېتىلگەن. بۇ يەردىكى شەكىللەنگەن پەرق ھەرگىزمۇ يۇقىرى

① يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇرچە نەشرى 4479 - 4485 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى.

51

بەت 60

تەبىقەتنىڭ بالىلىرى ئەقىل-پاراسەتلىك، تۆۋەن تەبىقەتنىڭ بالىلىرى ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن، دۆت بولغانلىقىدىن ئەمەس، بۇ قانۇنىيەتنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ھايات ئەمەلىيىتى داۋامىدا يەكۈنلەپ، ئۆزىنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيەتلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. چۆچەكلەردە كۆرۈنىدىغان پادىشاھ بېقىۋالغان نامرات دېھقاننىڭ بالىلىرىنىڭ كېيىن ئەقىل-پاراسەتتە تەڭداشسىز بولۇپ يېتىلگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق بولۇشى ئۈچۈن ئانىلار ياراملىق بولۇشى كېرەك، يارامسىز ئاتا-ئانىدىن ھەرگىزمۇ ياراملىق ئىنسانلارنىڭ يېتىلىپ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئاچچىق ئۈرۈك بەرىبىر ئاچچىق ئۈرۈك بېرىدۇ-دە. شۇڭا، ئائىلىنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئىش بولۇپ قالدى، پەرزەنتلەر شۇنداق چوقان سالىدۇكى: «بىزگە ياراملىق، پەزىلەتلىك، تەقۋادار، تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلارنى بېرىڭلار!»

بەت 61

ئىككىنچى باب: ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئائىلە شارائىتى پەرەزەنت تەربىيىسىنىڭ ياخشى دەرسخانىسى

ئادەم بۇ دۇنيادا ياخشىراق، قانائەتلىنەرلىك ياخشى، كۆپرەك بىر نەرسىنى بىلىپرەك ياشاش ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇشى كېرەك. دۇنيادىكى مىليونلىغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئىنسانىيەتنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ. بىراق، بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، ئادەم مەكتەپتە ئوقۇمىسا ياشىيالامدۇ؟ مەكتەپتە ئوقۇمايمۇ يەنە ياشىيالايدۇ، ئۇلارنىڭمۇ ياشاش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق ئىقتىدار قەيەردىن كەلگەن؟ تەبىئەت دۇنياسىدىن، جەمئىيەتتىن ۋە ئائىلىدىن كەلگەن. ئەمەلىيەتتە تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈمەنلىگەن شەيئىلەر، جەمئىيەتتىكى مۇرەككەپ ھايات پائالىيەتلىرى، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى تەبىئىي بىر چوڭ دەرسخانا بولۇپ، ھەرقانداق كاتتا مەكتەپمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭسىز پەننىي مەكتەپلەرنىڭ بولۇشىمۇ ۋە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئادەم تۇغۇلۇپ تاكى ئۆلگۈچە تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىسى. خۇددى ئوقۇتقۇچى قانداق بولسا ئوقۇغۇچىسى شۇنداق بولغانغا ئوخشاشلا، ئاللا ئاتا قىلغان تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ئۇستازىنىڭ قانداق بولۇشى شۇ جەمئىيەت ئەزالىرى، يەنى ئوقۇغۇچىسىنىڭ

بەت 62

قانداق ئادەم بولۇشنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئاچقۇچ. ئەگەر ئادەمنىڭ ئەركىن تاللاش ئىمكانىيىتى بولسا ئىدى، ئەڭ ياخشى ئىلغار مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە، قەيسەر خەلقنىڭ قوينىغا، ئوقۇمۇشلۇق، مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئائىلىنىڭ قۇچىقىغا تۇغۇلۇۋالغان بولاتتى. ئامال قانچە، بۇ ئادەمنىڭ تاللاش ئىقتىدارىنىڭ سىرتىدىكى ئىش. شۇڭا، بەزى ئادەملەر ئۆتمۈشتە تۇغۇلغان، بەزى ئادەملەر كەلگۈسىدە تۇغۇلىدۇ. بەزى ئادەملەر ئېسكىموسلاردەك ئەڭ شىمالدا مۇز ئۆڭكۈرلەردە تۇغۇلۇپ ئۆسىدۇ. بەزىلەر مەركىزىي ئاسىيادەك تۆت پەسىل روشەن ئالمىشىپ تۇرىدىغان مۆتىدىل زېمىنغا تۇغۇلىدۇ. بەزىلەر تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، بەزىلەر ئېرىشەلمەيدۇ. بەزىلەر مېھرىبان ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن بولسا، يەنە بەزىلەر زوراۋان، مۇشتۇمزور ئائىلىدە چوڭ بولىدۇ. بەزىلەر باي - باياشات ئائىلىدە چوڭ بولىدۇ، بەزىلەر نامرات ئائىلىدە چوڭ بولىدۇ، بەزىلەر ئىسلام دىنى ئېتىقادى مۇھىتىغا تۇغۇلغان بولسا، بەزىلەر خىرىستىئان دىنى ئېتىقادى ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتتە تۇغۇلىدۇ؛ بەزىلەر مەدەنىيەتلىك خەلقنىڭ قوينىغا تۇغۇلسا، بەزىلەر مەدەنىيەتسىز خەلقنىڭ ئارىسىغا تۇغۇلىدۇ.

شۇنىڭدەك، جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى قانداق بولسا مەكتەپنىڭ خاراكتېرىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ خاراكتېرىمۇ جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرىگە بېقىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەلەيلىك ئىكەن، ئۇ مەركىزىي ئاسىيادا گۈللەنگەن، مەدەنىيەتلىك قاراخانىيلار خانلىقىدا، يۇقىرى تەبىقە ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆستى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئىسلام دىنىنىڭ تەقۋادار مۇخلىسى بولغاچقا، يۈسۈپكە تارىختىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى قويدى ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىدى. ئۇنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتتى. نەتىجىدە، ئەڭ كاتتا ئالىم ۋە دۆلەت ئەربابى بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلققە رىياسەتچىلىك قىلدى.

بەت 63

لىك قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئەگەر ئۇ مەدەنىيەتسىز، قالاق، بەدەۋى بىر جەمئىيەتتە تۇغۇلغان بولسا، ئۇنداق كاتتا ئالىم بولالمىغان بولاتتى. دۇنيادا ھازىرغىچە مەدەنىيەتسىز، قالاق ئەلدىن دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ چىققانلىقىنى ئۇقمايمىز.

تۆۋەندە ئائىلە تەلىم - تەربىيە شارائىتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئالاھىدىرەك مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىمىز.

1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەربىيەلەنگەن ئىجتىمائىي شارائىت ۋە ئائىلە مۇھىتى

بىز ھازىر يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، 21 - ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ يېڭىلىقلىرىنى ناھايىتى تېز كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيا خۇددى كىچىكلەپ كەتكەندەك، ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە بىر قانچە سائەتلىكلا مۇساپە، دۇنيانىڭ كۇتۇپخانىلىرى بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزگىلا كىردى. كومپيۇتېرنى ئېچىپ، قانداق كىتابنى ئوقۇيمەن دېسەك، شۇ كىتاب كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. ئەتراپىمىزدا كىتاب دۇنياسى بىلەن تولغان كىتابخانىلار، كۇتۇپخانىلار، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار، بۇنداق ساناپ كەلسەك نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى بايقايمىز. بىراق، 11 - ئەسىرلەردە مۇنداق ئىلمىي مۇھىتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن بىرەر يېڭىلىقتىن نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن ئاندىن خەۋەردار بولاتتۇق. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، نەشرىياتچىلىقنىڭ قالاقلىقى كىتابلارنىڭ كەڭرى تارقىلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى. بىر نۇسخا كىتاب يېزىلسا ئۇنى بىر پادىشاھقا ياكى بىرەر بەگكە تەقدىم قىلىۋەتسىلا،

بەت 64

ئۇ شۇ پادىشاھ ۋە خانزادە، بەگزادىلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇشى بىلەنلا چەكلىنەتتى. بولۇپمۇ ئاددىي پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئەت ماھارىپى، ئائىلە ماھارىپى ۋە تاۋام ماھارىپى ئاساسىدىلا بەلگىلىك ھايات بىلىملىرىگە ۋە ياشاش ماھارەتلىرىگە ئېرىشەتتى. شۇڭا، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۆۋەن تەبىقە پۇقرالاردىن جاھانغا تونۇلغان مەشھۇر ئالىملار ئاساسەن چىقمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، يەنى ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىش پۇرسىتى يوق ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىك ئىلمىي مۇھىتتىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، تارىختا ئۇلۇغلۇق تاجىنى كىيگەن، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان مەشھۇر ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇقىرى تەبىقىدىن چىققان قۇلدارلار، فېئوداللار، بۇرژۇئازلار بولدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەلىشىر ناۋائىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا، فېئوداللاردىن ئىدى. ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ بار ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تەربىيىلىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىدى، بولۇپمۇ ئۇلار بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يېڭىلىقلاردىن ئەڭ بالدۇر ۋاقىپ بولالايتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز دەۋرىدىكى ئائىلە كۇتۇپخانىسى ۋە ئوردا كىتابخانىسى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەلىم-تەربىيە مۇھىتىنى ھازىرلاپ بەرگەنىدى. بىز بۇنى مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئەسەرلىرىدە نەقىل ئالغان سىتاتىلاردىن بىلىمىز. بىز بۇ ئۇچۇرلاردىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ياخشى كىتابلارنى كۆرۈپ بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

يەنە بىر ياخشى ئىلمىي مۇھىت شۇ ئىدىكى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسى بولسۇن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاتىسى بولسۇن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئوقۇمۇشلۇق، ئەقىللىق، پاراسەتلىك

بەت 65

لىك، مەسئۇلىيەتچان ئاتا - ئانىلاردىن ئىدى. شۇڭا، ئۇلار پەرزەنتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ، قاتتىق تەلەپ بىلەن ئەتراپلىق تەربىيەلەشنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن. بىز ئۆز دەۋرىدە ئائىلە تەربىيەسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قىسمەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق ۋاقىپ بولدۇق. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ «پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش» بابىدا:

4508 پەزىلەتنى قويماي ئوغۇلغا ئۆگەت، ئاتا مال بەركۈسى يىغىپ پەزىلەت.

4509 ئوغۇلنى بىكار، بوش يۈرمەسەن قويۇپ، بىكارچى بولۇر ئۇ لاغايلاپ يۈرۈپ.

1218 ئاتا ئەمگىكى سەنسە ئوغۇلغا كۆپ، بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇيى - پەيلى خۇپ.

1219 ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا، ياخشى ئېررۇر، ئاتاسى، ئاناسى بەختلىك بولۇر.

1220 ئەگەر چەك تۇتۇلماس ئىكەن ئۇ ئوغۇل، بولۇر زايه، ئاندىن سەن ئۆزگىن كۆڭۈل.

ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى كۆنتۇغدى ئېلىگگە تابلاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:

1494 ئوغۇل - قىز ئايىماي تايان بىرلە تۇر، تاياق قىز - ئوغۇلغا بىلىم ئۆگەتۈر.

بەت 66

بۇنداق مەزمۇندىكى مىسرالار خېلى كۆپ، باشقا جايدا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغانلىقىمىز ئۈچۈن، زۆرۈرىيەتتىن بۇ مىسرالارنى مىسال ئېلىپ ئۆتتۇم. بۇنىڭدىن بىز قاراخانىيلار دەۋرىدە پەرزەنت تەربىيىسى مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم، قىزىق نۇقتا بولغانلىقى، بالىلارنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيىلەش، ئەركە ئۆگىتىپ قويماسلىق ئومۇمىي ئىلمىي قاراشقا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى — پەرزەنتلەرنى ئەتراپلىق، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلەشنىڭ بىرىنچى ئاساسى. ئەگەر ئاتا-ئانا ياراملىق بولمىسا، نېمىگە تايىنىپ ياراملىق پەرزەنتلەرنى قاتارغا قوشالايدۇ؟ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلىنىڭ ئىلمىي مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئىشنى ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن باشلاش كېرەك. ھېچبولمىغاندا، ئىلمىي، تارازىغا توختايدىغان نەسىھەت بىلەن بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا تاقالغۇدەك تەربىيە بېرىش ئىقتىدارى بولمىسا، پەقەت بالىلارغا ئۆگەن، ياراملىق ئادەم بول، دېگەن بۇيرۇق بىلەنلا بالىلارغا تەسىر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ قوپاللىق، تىللاش، ھاقارەتلەش، قارغىشلار ئارقىلىق ساپاسىز ئاتىلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسىدە قوللىنىدىغان بىر پاسسىپ ئۇسۇلى. ھاقارەتلەنگەن بالىلاردىن ياراملىق بالىلار ئاز چىقىدۇ، ئىلھام بېرىلگەن، ھەقىقىي كۆيۈنۈشكە ئېرىشكەن بالىلاردىن ياراملىق بالىلار كۆپ چىقىدۇ. بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ھەر بىر ئائىلە باشلىقلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

يۈسۈپ خاس ھاجىپلار يېتىشىپ چىققان شۇ جەمئىيەتكە نىسبەتەن، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، بىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشى دىنىي ئېتىقاد نۇقتىسىدىنمۇ پەرز سانىلىدىغان مۇھىم ئەقىدە ئىدى.

ئاتا-ئانىلار ياراملىق پەرزەنتلەرنى جەمئىيەتكە چىقىرىش بىلەن ئاتا-ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلار دۆلەت، مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلىش بىلەن تۆھپىكار

58

بەت 67

ئاتا - ئانىلار بولۇپ قالىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ئېنىقلا بايقالمىسىمۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ تۆھپىكار زاتلارنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن بىر جۈپ ئۇلۇغ ئاتا - ئانىنىڭ يۈرەك قېنىنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كىممۇ ئىنكار قىلالىسۇن. مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇنبىرىدە چاقنىغان چولپانلاردىن بولۇپ قېلىشىغا ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېيتقانىدى:

1485 ھەر ئىشقا قىلۇر بىر سەۋەبنى خۇدا، يامان - ياخشىلىقتۇر ئۇنىڭ قولىدا.

1486 ئوغۇل - قىز سەۋەبى ئاتا ھەم ئانا، بۇزۇلسا قىلىقى، تۈزەلسە يەنە.

1225 ئوغۇل - قىز خۇيى - پەيلى بولسا يامان، يامان قىلغان ئاتا بولارنى ھامان.

يۇقىرىقى يەكۈندىن بىز شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىرى - ئىستىقبالى ئاتا - ئانىنىڭ قولىدا بولىدۇ. خۇدا ھەرقانداق ئىشقا بىر سەۋەبنى بىللە ياراتقان، ئوغۇل - قىزنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىنىڭ سەۋەبچىسى ئاتا - ئانا. بۇ يەكۈندىن بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ تەربىيىلەپ شۇنچە ئىقتىدارلىق دۆلەت ئەربابى بولۇشىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆپ ئەجىر كۆتكەنلىكىدىن سۆيۈنۈۋاتىدۇ ھەم ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ، مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. يەنە تارىختا نۇرغۇن بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيىلىمەي، يامان يولدىن توسماي، ياخشى يولغا يېتەكلىمەي، بۇ دۇنيادا خار - زار بولۇپ، دۇنيانىڭ

بەت 68

ھېچقانداق خۇشلۇقنى كۆرمەي، يامان يوللارغا مېڭىپ، ئاخىر ئۆمرىنى زىندانلاردا ئۆتكۈزگەنلەر، دارغا ئېسىلغانلار ئاتا - ئانىسىدىن قانچىلىك نەپرەتلەنگەن بولغىيتتى. ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى قەرزىنى تولۇق ئادا قىلماي، بالىلىرىنىڭ زىيانداش ئادەم بولۇپ چىقىشىغا ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ پاجىئەلىك ئاخىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، ئۇ ئاتا - ئانا بۇ بالىنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئاخىرەتتە بالىنىڭ تىرنىقى ئاتا - ئانىسىنىڭ ياقىسىدا بولىدۇ.

11 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئىسلام دىنى پەرزەنت تەربىيىسىگە ھەممىدىن ئەھمىيەت بەرگەن دىن. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر قانچە مۇھىم ھالقىلىق تەرەپلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئىسلام دىنىنىڭ ئاتا - ئانىلارغا تاپشۇرغان مۇقەددەس مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى پەرزەنتلەرنى ياراملىق، سالىھ پەرزەنت قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، پەرزەنت خۇدانىڭ ئاتا - ئانىلارغا تاپشۇرغان ئامانىتى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندا ئاتا - ئانىلار خۇدادىن ياخشى سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلىشىنىڭ ئەڭ قۇتلۇق تىلەك ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى. بىراق، ئاتا - ئانىلار يارامسىز بولسا، خۇدا ياراملىق بالا ئاتا قىلسىمۇ، ئۇنى يارامسىز ئادەم قىلىپ قويىدۇ. بۇ خۇسۇستا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بوۋاق تۇغۇلغان چاغدا ئىسلام بىلەن تۇغۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى يەھۇدىي قىلىپ چىقىدۇ، يا خىرىستىئان قىلىپ چىقىدۇ ياكى مەجۇسىي قىلىپ چىقىدۇ.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىس). بۇ دېگەنلىك، پەرزەنت بۇ دۇنياغا تۇغۇلغاندا ھەرگىزمۇ ئەسكى بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، بەلكى پاك، بىغۇبار، گۇناھسىز تۇغۇلىدۇ. ھەرگىزمۇ قەبىھ، رەزىل خۇيلارنى ئۆزلەشتۈرگەن، ھەقتىن تايىدىغان، ئەلگە ئاپەت بولىدىغان ھالەتتە يارىتىلمايدۇ. بىراق، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى، ئاتا - ئانىسىنىڭ نىيىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى

بەت 69

سەۋەبلىك، ئۇ بالا ھەق، توغرا يولدىن ئازغۇچى، گۇناھلىق ئىشلارغا بېرىلگۈچى، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچى ئاسىي گۇناھكار بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق بىر قانۇنىيەتكە ئىگە بولىمىزكى، پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم بولۇشى ھەرگىزمۇ تەقدىردىن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىدىن ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيىسىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ پەرزەنتنى تۇغۇپ، ئاش-نان بېرىپ، كىيىم-كېچەك بېرىپ چوڭ قىلىشى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش شەرتىنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر قىسمى، ئەڭ مۇھىم شەرت بالىنى قانداق تەربىيىلىشىتە.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ھېچقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىگە خۇلۇق، ئەدەپتىن بۈيۈكرەك مىراس قالدۇرالمايدۇ» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ھەرقانداق مىراس، ھەرقانداق بايلىق قىممەتلىك بولمايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا، ياخشى خۇي-ئەخلاقنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەڭ بەختلىك ياشىغان، گەرچە مال-دۇنيا ھەددى-ھېسابسىز كۆپ بولسىمۇ، پەزىلەتتىن مەھرۇم بولغانلىقى تۈپەيلى، نام-نىشانسىز، خار-زارلىقتا بۇ دۇنيادىن كەتكەنلەر ئازمۇ؟ شۇڭا، نۇرغۇن دانىشمەن ھۆكۈمالار پەرزەنتلىرىگە ئىلىم، ھۈنەر ئۆگىتىش، پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇش توغرىسىدا قىممەتلىك بايانلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن: ئابدۇل مەلىك ئىبنى مەرۋان ئۆزىنىڭ بالىسىنى تەربىيىلەيدىغان كىشىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كىچىك بالىلارغا خۇددى قۇرئان كەرىمنى ئۆگەتكەندەك، راستچىل بولۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلارنى گۈزەل ئەخلاققا ئۈندە، ئۇلارغا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگىن، يۈرەكلىك، باتۇر بولۇپ يېتىشىدۇ، ئۇلارنى مۆتىۋەر-مۇھتەرەم كىشىلەر بىلەن، ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت قىل، ئۇلارنى تۆۋەن تەبىئەتلىك كىشىلەردىن يىراق تۇت، چۈنكى ئۇلار (كۆپىنچە ھاللاردا) ئەدەپسىز كېلىدۇ. ئادەم بار يەردە ئۇلار[Footer] 61

بەت 70

نىڭ ھۆرمىتىنى قىل، ئادەم يوق يەردە ئەدەپلەپ تۇر. يالغان گەپ قىلسا ئۆز، يالغان گەپ ئەخلاقسىزلىققا چاقىرىدۇ، ئەخلاقسىزلىق دوزاخقا چاقىرىدۇ.» ①

بۇنداق دەۋەتكە ئىخلاسمەن، تەقۋادار مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەزىلەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيىلىشى خۇدانىڭ دەرگاھىدىمۇ كاتتا ساۋاب ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشنى شەرەپ ھېسابلايتتى. مۇشۇنداق ئەقىدە-ئېتىقاد مۇھىتىدا ئۆسكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

11-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەتراپلىق، ياراملىق تەربىيىلىنىپ چىقىشىدا رول ئوينىغان يەنە بىر ئىجتىمائىي ئامىل، بۇ دەۋردە ئىلمنى قەدىرلەش، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئالىملارغا يۇقىرى ئورۇن بېرىش ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئېقىمغا ئايلانغان. بىلىمسىزلىك، نادانلىق ئادەم ئۈچۈن ھاقارەتلىك نام بولۇپ قالغان. بىز ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك پەرقلىنىش بىلىم بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قىممەت تارازىسىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، «قوچۇ شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر ئارقىلىق تارىخلىرىمىزدىن ئوقۇپ بولالايمىز. مەھمۇد قەشقەرى «قۇت بەلگىسى — بىلىم» دېگەن ئۇلۇغ ھېكمەتنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھېكمەت ئىلىم-ھېكمەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ئىخچام ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن پەلسەپىۋى ھەقىقەتتۇر. ناھايىتى روشەنكى، بىلىمسىز ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئاددىيسى نادان ئادەم بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە ئەمەس. شۇنداق ئادەم پەقەت بىر ئاچ قورساقنى تويغۇزۇشلا شۇنچە

62

بەت 71

بەخت ھېسابلايدۇ، بۇنداق ھايۋانىي بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك بەختسىزلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە بولغان ئىلىم - پەننى قەدىرلەش، ئۇنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن ئازاد قىلىش ھەقىقىي ئوتتۇرىغا چىققان چۈشەنچە ۋە يۆنىلىشلەرنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىلغار دۇنيا قارىشى بىلەن يۇغۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلغان. ئەۋلادلارنىڭ ياشاش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، ئىنسانىي قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ماھىيەتلىك ھالقىسى ئۇلارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەشتە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئىلمىي سېلىشتۇرمىلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىمنىڭ ئەۋلادلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى، بىلىم ئارقىلىق ھاياتلىق يولىنىلا ئېچىپ قالماي، بەلكى ئاسمانغىمۇ يول ئالالايدىغانلىقىنى مۇنداق مۇئەييەنلىككە ئىگە قىلىدۇ: «پۈتۈن خاسىيەتلىك ئىشلار بىلىمنىڭ ساخاۋىتىدىندۇر. مىسالى بىلىم بىلەن كۆككە يول ئېلىش مۇمكىن. ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇش نېمىدېگەن ياخشى ئىش - ھە؟ ! ئەگەر ئۇنىڭغا ئېرىشەلىسەڭ جايىدا ئىشلەتتە، ئۇچۇپ كۆككە يەت، جاھان سوراش ئۈچۈنمۇ، خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەقىل ھەم يۈرەك كېرەك. بىلىم بىلەن ئەقىل بىرىكسە ئەر كامالەت تاپىدۇ. كامالەت ئىگىسى دۇنيا نېمەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالايدۇ. بۈگۈنگە قەدەر قايسى زاماندا بولسۇن، ھۆرمەتلىك ئورۇن بىلىملىكلەرگە تەگدى. كىشىلەرنىڭ يامىنىمۇ ئوقۇش، بىلىش بىلەن تۈزىلىدۇ. خەلق ئىچىدىكى بولغۇنسىلارمۇ بىلىم بىلەن سۈزۈلىدۇ» يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادەمنىڭ بۇ ئالەمدىكى شەيئىلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىرلىك، تولۇق يارىتىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئادەمدە ئەقىل ۋە بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ قارايدۇ: «ئاللا

63

بەت 72

ئادەمنى تاللاپ ئەزىز ۋە قەدىرلىك قىلدى، ئۇنىڭغا ئەقىل، ئىدراك، ئىلىم ۋە پەزىلەت بېرىپ يۈكسەلدۈردى، گۈزەللىك، خۇشپېئىللىق ۋە نومۇس بەردى. ئادەم بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغلۇققا يەتتى. ئەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن تەس تۈگۈنلەر يېشىلدى. خۇدا كىمگە ئەقىل بىلەن بىلىم ئاتا قىلغان بولسا بارلىق ياخشىلىقلارغا قول سالالايدۇ. بىلىمنى بۈيۈك، ئەقىلنى ئۇلۇغ بەلگۈلۈك، بۇ ئىككىسى قوللىنىپ يۈكسەلدۈرۈپ بۈيۈكلۈككە ئىگە قىلالايدۇ»①، «قۇتادغۇبىلىك» تە بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ، ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە بەختى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىش تارىخىدا بىلىمنىڭ قىممىتىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشەندۈرگەن ئادەم يوق. بۇنداق ئەتراپلىق چۈشىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى ئۆز دەۋرىدە بىلىمنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ساداسى ۋە چۈشىنىشىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئومۇمىي ئاساسنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىنرەك ياشىغان ئەھمەد يۈكنەكى دېگەن بىر ئەما شائىر بار. ئۇ «ھەقىقەتنىڭ بوسۇغىسى» ناملىق بىر ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى بايانلاردىن قارىغاندا، بىلىمگە ۋە بىلىم نوپۇزلىرىغا ناھايىتى يۈكسەك ئورۇن بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز: «ئەي دوستۇم، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى بېغىشلا، سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ، بىلىم ئال، سائادەت يولىنى ئاچ، بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر، بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر. بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز قانداقمۇ تەڭ بولالىسۇن، بىلىملىك ئايالنى ئەر دېسەك، نادان ئەر گويا ئايالدۇر، ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەككە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ. ئادەم…

64

بەت 73

ننىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا، سۆڭەكنىڭ زىننىتى بىلىكتۇر. بىلىمسىز كىشى بىلىكسىز سۆڭەكتۇركى، بىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزاتمايدۇ. ئادەم بىلىم بىلەن ئەر ئاتالدى. بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. بىلىملىك كىشى ئۆلگەن بىلەن نامى ئۆلمىدى، بىلىمسىزلەر تىرىك بولغىنى بىلەن نامى ئۆلگەن. ① ئەمدى قۇچۇ شېئىرلىرىدىكى ئۆگۈتلەرگە سەپ سالىدىغان بولساقمۇ، بىلىمنىڭ تەسىرىنى مۇھەببەت بىلەن قىلغانلىقىنى كۆرىمىز:

بىلىگ بىلىڭ يا بېگىم بىلىگ ساڭا ئەش بولۇر، بىلىگ بىلگەن ئول ئەرگە بىر كۈن دۆلەت تۇش بولۇر.

(ئەي بېگىم، بىلىم ئۆگىنىڭ، ئۇ سىزگە ھەر قاچان سىرداش ھەمراھ بولىدۇ، بىلىم ئۆگەنگەن ئەرگە بىر كۈن دۆلەت يار بولىدۇ).

بىلىگلىك ئەر بىلىگى تاش قورسانسا قاش بولۇر، بىلىكسىزنىڭ يانىغا ئالتۇن قويسا تاش بولۇر.

(بىلىملىك ئەرنىڭ بىلىمگە تاش قىستۇرسا، قاشتېشىغا ئايلىنىدۇ، بىلىمسىزنىڭ يېنىغا ئالتۇن قويسا تاش بولىدۇ). ② ناھايىتى روشەنكى، قۇچۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىدىمۇ بىلىم ئەڭ ئەزىز ئورۇنغا ئۆتكەن. ئۇلار بىلىمنى ھەمراھ، دوست، سىرداش، دۆلەت، بەخت ھېسابلانغان. بىلىملىك ئەر قىممەتسىز نەرسىنى قىممەتلىك نەرسىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

--- [Footer] ① ئەھمەد يۈكنەكى «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980-نەشرى. ② «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىيات يادىكارلىقلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىل نەشرى. 65

بەت 74

دېغانلىقىنى، بىلىمسىز ئەرزىمەس تەلەپ نەرسىنى قىممەتسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلگەن. دېمەك، بىزنىڭ يۇقىرىقى بايانلاردىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، 11-ئەسىرلەردە بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىخىي دەۋرلەردە بولسۇن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆكۈمرانلاردىن تارتىپ، ئاددىي پۇقرالارغىچە ھەممە كىشىنىڭ قىممەت قارىشىدا بىلىم بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئۇلار پۇلنى، ھوقۇقنى مەدھىيىلىمىگەن، بىلىم بولسا ئاندىن پۇلمۇ بولىدۇ، ھوقۇقمۇ بولىدۇ، قەدىر-قىممەتمۇ بولىدۇ، دەپ چۈشەنگەن. بۇنداق قىممەت قارىشى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن جەمئىيەتتە ھەربىر شەخس، ھەربىر ئائىلە ئەزاسى ئۆزىنى بىلىم بىلەن زىننەتلەشنىڭ مۇھىملىقىغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ھەتتا بىلىمسىز ئادەمنى ساقايماس كېسەل، ھايۋان، ئۆلۈك، خوتۇن كىشى، يامان ئىللەت دەپ ھاقارەت قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرەنتلىرىنى ئەتراپلىق تەربىيىلەشكە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى مۇمكىنمۇ، پۈتۈن دۆلەت ئەۋلادلارنىڭ ياراملىق تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلمەسمۇ. ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەرنىڭ بىلىم-پەنگە بولغان مۇھەببىتى، بىلىم ئەھلىلىرىگە بولغان ھۆرمىتى، بىلىم ئىگىلىرىگە بېرىلىدىغان يۇقىرى ئىمتىيازى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پەرەنتلىرىنى ياراملىق تەربىيىلەشكە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تۈرتكە. ئەگەر ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەرنىڭ بېشىدا پەن-مەدەنىيەت، مائارىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرمايدىكەن، ئۇ ئەلدە ئىلمىيلىكلەر ئۈچۈن ياخشى كۈن يوق. مەسىلەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئەڭ زور ئېزىققان بىر تارىخىي دەۋر بولدى. بۇ دەۋردە «قانچىلىك بىلىملىك بولسا شۇنچىلىك ئەكسىيەتچىلىشىدۇ» دېگەن بىر تەتۈر تەشۋىقات ئوتتۇرىغا چىقىپ زىيالىيلارنى «كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار»، «جىن-شەيتان»، «ئەكسىيەتچىل بىلىم ئىگىلىرى» دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك بەتناملار بىلەن ھاقارەتلەپ كۆرەش قىلدى. ئون يىلغا

بەت 75

سوزۇلغان بۇ ئىنقىلابتا جۇڭگودىكى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زەربە يېدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگودا بىر ئەۋلاد ياشلار ساۋاتسىز، مەدەنىيەتسىز قىلىشتەك پاجىئە كېلىپ چىقتى.

ئەمدى ھازىر جۇڭگودا دۆلەتنى مائارىپلا قۇتقۇلدۇرالايدۇ، دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دېگەن پەلسەپىۋى ھەقىقەت جاكارلاندى. دۆلەت بىلىملىكلەرگە يۇقىرى ئىمتىياز بەردى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. پۈتۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېڭىدا ھازىرقى جەمئىيەتتە زادى بىلىم بولمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى شەكىللەندۈردى. نەتىجىدە ھەممە ئادەم بىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان، ئاتا - ئانىلارمۇ ھەرقانچە بەدەل تۆلىسىمۇ، بالىلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشقا بەل باغلاشتى. شۇنداق قىلىپ جۇڭگو تېز ئارىلىقتا ئون يىللىق جاراھەت داغلىرىنى يۇيۇۋېتىپ، قەدىمىنى رۇسلاپ زور تۇتۇقلارغا ئېرىشتى، شۇنداق قىلىپ، جۇڭگو ھازىر ئەڭ گۈللەنگەن بىر باسقۇچقا كىردى. مىڭلىغان يېڭى ئالىملار قوشۇنى تەربىيىلىنىپ چىقتى. بۇ ئەلۋەتتە بىلىم ئۆگىنىش قىزغىنلىقى زور ئاممىۋى ئاساسقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ شادلىق نەتىجىسى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىيلەر ياشىغان شۇ دەۋردە بىلىمنى قەدىرلەش، بىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەش ئاشۇنداق ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇنداق ئۇلۇغ ئالىملارنى تەربىيىلەپ چىقارغان. مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرنى يەنى ئۇيغۇر دەۋرىنى ياراتقان.

* * *

ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەگرى - توقاي مۇساپىلەرنى بېسىپ

بەت 76

21 - ئەسىر بوسۇغىسىغا قەدەم قويدى. گەرچە بىز ھازىر ئەڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان بىر دەۋردە، ئەڭ گۈزەل شارائىت ۋە مەدەنىي جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، بىراق، بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلىشىمىزدە يېتەرلىك مەدەنىي مۇھىت ھازىرلاپ بەرمىگەن ئائىلىلەر ناھايىتى ئاز. بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بالىلىرىنى ياخشى ئائىلە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، ئىقتىسادىي شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر قىسىم كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە مەدەنىي ئىلغار مۇھىت يارىتىپ بېرىشنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، چۈشەنسىمۇ ئېتىبار بەرمەيدۇ. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە قارىغاندا، پەقەت ئاتا-ئانىلار كىتابقا قىزىقىدىغان ئائىلىلەردىلا كىتاب جازىسى بار ئىكەن ھەم ئۇنىڭدا بىر نەچچە يۈز پارچە، ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە كىتاب بار ئىكەن. ئاتا-ئانىلار كىتابقا ھېرىسمەن بولمىغان، كىتابنى ياقتۇرمايدىغان ئائىلىلەردە بولسا كىتاب جازىسى ئۈچۈن ئورۇن بېرىلمىگەن. بۇنداق ئۆيدىن بىر قانچە پارچىمۇ كىتاب تېپىلمايدۇ. تەخمىنىي قىياس بىلەن قارىغاندا، 90 پىرسەنت ئائىلىدە كىتاب جازىسى يوق. بىز بۇنداق ئائىلىنى مەدەنىي مۇھىت بەرپا قىلغان ئائىلە دەپ قارىمايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئۇلارنى 21-ئەسىردىكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىدۇ، دەپمۇ قارىمايمىز. ئۇلارنىڭ ئۆزى گەرچە 21-ئەسىردە يەپ-ئىچىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ياشاش شارائىتى، روھىي دۇنياسىدىكى نامراتلىق تۈپەيلى ئۇلارنى ئوتتۇرا ئەسىرگە مەنسۇپ ئادەملەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر روھىدىكى نامراتلىقنى بالىلىرىغىمۇ مىراس قالدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە پەرزەنتلىرىنىڭ ھوقۇقىغا خىيانەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش تەشنالىقىنى بوغىدۇ، گۈزەل ئىنتىلىشلىرىگە سوغۇق سۇ سېپىدۇ. كەلگۈسىدىكى يېزىلىرىمىزدا مىليونلاپ پەرزەنتلىرىمىز مەجبۇرىيەت ماڭىدۇ.

بەت 77

چى قوينىدا ئوقۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن بالىلار دەرسلىك كىتابلاردىن باشقا ئۆز نۆۋىتىدە مەزمۇندىكى كىتابلاردىن بىرەرىنىمۇ ئوقۇپ بېقىش پۇرسىتىگە ئېرىشمىگەنىكەن. گەرچە مەكتەپلىرىمىزدە مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرى، يېزىلاردا مەدەنىيەت ئۆيلىرى بولسىمۇ، قانداقتۇر بالىلار بۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدىكەن. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمۇ كىتاب ئوقۇمىغاچقا، بالىلارنىڭ قەلبىدە كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقنىمۇ ئويغىتالمايدىكەن.

بىز ئاتا-ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، تۇرمۇش ھەم ئائىلە مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشىنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلار ساۋاتسىز بولساڭلارمۇ، كىتابنى، بىلىمنى ياق تۇرۇمسىڭلارمۇ، پەرزەنتلىرىڭلارنى ياخشى ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم قىلماڭلار، جەمئىيىتىمىزدە كىتابنىڭ باھاسى ئۆزىنىڭ ئەسلى قىممىتىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق مەھسۇلاتتىن ئەرزان. سىلەر بىر قۇر قىممەتلىك كىيىم ئورنىغا كىتاب سېتىۋالساڭلار، بىر كىتاب جازىسىنىڭ يېرىمىنى تولدۇرۇشى مۇمكىن. بىر قېتىملىق رېستوران چىقىملىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، شۇنىڭغا كىتاب ئالساڭلار كىتاب جازىسى تولۇق تولىدۇ. رېستوران زىياپىتى شۇ رېستوراننىڭ ئۈستىلىدىلا قالىدۇ، كىتاب بولسا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدۇ. سىلەر بىلسەڭلار بىر كىتاب بىر ئالىم. ئۇ پەرزەنتلىرىڭلارنى مەدەنىيەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. بالىلاردا قوزغالغان شۇ كىتاب قىزغىنلىقى، بەلكىم ئۇلارنى ئۇلۇغ شان-شەرەپلەر بىلەن مۇكاپاتلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۆلىسەڭلار، ئەرزىمەمدۇ؟

2. تەبىئەت، ئويۇنلار قوينىدا يېتىلگەن خاراكتېر ۋە پاراسەت

ئادەم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەنلا

بەت 78

ماھارىپ ئۈستىگە تۇغۇلۇدۇ ۋە تەلىم-تەربىيىگە مۇھتاج بولىدۇ. دۇنياغا يارىتىلغان تۇنجى ئادەممۇ بىلىش ئۈستىگە يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى تەلىم-تەربىيىگە، يەنى ماھارىپقا مۇھتاج بولۇپ يارىتىلغان. ماھارىپ دېمەك، تەلىم-تەربىيە دېمەكتۇر. ئىنسانلارنىڭ تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ھۈنەرگە ماھارىپنى تۆت تۈركۈمگە ۋە تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئەڭ ئىپتىدائىي ھەم مەڭگۈلۈك ماھارىپ — تەبىئەت ماھارىپى. تەبىئەتتىن ئايرىلغان ماھارىپمۇ بولمايدۇ، بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. تەبىئەت ئىنسانلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ ھەم كىشىلەرگە قانداق ياشاشنى، تەبىئەت دۇنياسىدىن قانداق پايدىلىنىشنى، ئۇنىڭغا قانداق ماسلىشىشنى ئۆگەتتى. ئىپتىدائىي ئىنسانلار شۇ تەبىئەتنىڭ سىرلىق ئۆزگىرىشلىرىدىن ئېتىقادنىمۇ ئۆگەندى، مەدەنىيەتنىمۇ، تىلنىمۇ، گۈزەللىكنىمۇ، ئۆزۈپ-ئادەتنىمۇ تەبىئەت ئارقىلىق ھاسىل قىلدى. ھازىرقى زامانىۋى پەن-تېخنىكا دۇنياسىغا باشلاپ كەلگەن توپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مەنبە يەنىلا تەبىئەت بولىدۇ. ئەگەر تەبىئەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرى ئىنسانلارنىڭ بىلىشى بىلەن بىر-دەرىجىلىك ھاسىل قىلىنمىغان بولسا، ئىنسانلار نېمىگە ئاساسلىنىپ ئالەم سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىيالايتتى. سۇ لەيلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئۇ ئىنسانلارغا بۇ قانۇنىيەتتىن نىشان بەرمىگەن بولسا، ئىنسانلار سۇنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى قاتناش يولى قىلىپ پايدىلىنىش ئۇقۇمىغا قانداق ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى. سۈركىلىشتىن ئوت پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەبىئەت ئۆگەتتىمۇ ياكى ئادەملەر ئۆز كاللىسىدىن ئويدۇرۇپ چىقىپ ئىجاد قىلدىمۇ؟ ئادەملەر ھازىرغىچە ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقاپ، كۆپلىگەن يېڭى شەيئىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن قانۇنىيەتنى ئىجاد قىلالمىدى. چۈنكى، قانۇنىيەت دېگەن تەبىئەتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئەزەلىي نەرسە ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكىلى. ئىنسانلار پەقەت تەبىئەتتىكى ئەزەلىي مەۋجۇت

70

بەت 79

بولغان شۇ قانۇنىيەت ئارقىلىق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەقلىدىي سۈنئىي نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۇرمۇشتا قوللىنىشنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، تەبىئەت ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزە، ئۇ ئىنسانلارنى ياشاش مۆھلىتى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماي، ياشاش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن بارلىق ئىختىرالار تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سوۋغىسى. ئىنسانلار تەبىئەت ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تەبىئەتنى ئادەملەشتۈردى. ئادەم مانا شۇنداق ئۈزلۈكسىزلىك داۋامىدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زامانىۋى دەۋرگە قەدەم قويدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدىمۇ تەبىئەت ئۇلارغا يەنىلا ئۇستاز بولىدۇ. ئىنسانلار ھەرقانچە يۇقىرى پەن - تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا تەبىئەتكە تايانماي مۇمكىن ئەمەس؛ ئىنسانىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىمۇ يەنىلا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن ياراشىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئەگەر تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىنسا، تەبىئەت ئىنسانلارنى جازالاش ئارقىلىق ئۇلارغا ئېچىنىشلىق سەلەبىي دەرسلىك بېرىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار بۇنداق يامان تەقدىرنىڭ ھالاكىتىدىن ساقلىنىپ قالماقچى بولىدىكەن، تەبىئەتتىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى چۈشەنچە ناھايىتى قەدىمكى تارىخىي دەۋرلەردىلا شەكىللەنگەن پەلسەپىۋى چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مانا شۇ ئۇقۇم ئاساسىدا تەبىئەت بىلەن دوستلۇق ئورناتتى، تەبىئەت بىلەن تەڭ كۈلدى، تەبىئەت بىلەن تەڭ يىغلىدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت زات كۆزقارىشى، تۆت زاتنىڭ ئۆزارا باغلىنىش ۋە مەۋجۇتلۇق قانۇنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئېتىقادىغا پەۋقۇلئاددە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پەن - مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى -

بەت 80

نەنمۇ ئۇلارنىڭ تۆت زات چۈشەنچىسى ئاساسىدا پەيدا بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چۈشەنچىسى بويىچە، تۆت زات (سۇ، ھاۋا، ئوت، تۇپراق) — ماددىي دۇنيانىڭ تۆت زات ئاساسىدا بىرىكىشى، مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيىتى ھەققىدىكى بىلىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇلارغا چېقىلىشقا، ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈك قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى، پۈتۈن شەيئى «ئوتتۇرا ھال» لىقتا ئۆزىنىڭ نورمال مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ساقلايدۇ، ئەگەر «ئوتتۇرا ھال» لىق بۇزۇلىدىكەن، ئالەمنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلىدۇ — دە، تەبىئەت ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئۆلچىمى، ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ئۆلچىمى بولىدۇ. ئەگەر ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەن ياكى يۇقىرى بولىدىكەن، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بولمايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل بىلىش نەتىجىلىرىنى تولىمۇ ئوبرازلىق ۋە ئىخچام ئىپادىلەپ بەرگەنىدى.

چىقارما ھېچ ئىشنى ئۆلچەمدىن سەن، ھەر ئىش ئوتتۇھال بولسا بولغاي ئېسەن.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆلچەم بىز دەۋاتقان قانۇنىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئەگەر ئۇ ئۆلچەم بۇزۇلسا، ھەرقانداق ئىش ئوڭۇشلۇق روياپقا چىقمايدۇ، ئېسەنلىكمۇ بولمايدۇ. يەنە مۇنداق دەيدۇ:

تۈرۈلگەن چۈشەر ھەم چۈشكەنلەر چىقار، يورۇغان ئۆچەر ھەم يۈرگەنلەر تىنار.

نە ئىشكىم قىلىنسا تولۇقلۇق كۆتەر، تولۇقلۇققا يەتسە چۈشۈشكە يانار.

بەت 81

بىز يۇقىرىقى خۇلاسىنى ئالەمنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، ئۆزگىرىشى، تەرەققىي قىلىش، يەنە يوقىلىش، يەنە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنىڭ فورمۇلىسى دەپ قارايمىز. ھەرقانداق بىر شەيئى تەرەققىي قىلىپ چېكىگە يەتكەندە، ئەكسىگە قايتىدۇ، دېگەن پەلسەپىۋى چۈشەنچە 11-ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مۇكەممەل پەلسەپىۋى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ بولغان.

شۇنىڭمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇراھاللىق ئۆلچەم، بىر پۈتۈنلۈك قارىشىنى جەمئىيەت قانۇنىيىتىگىمۇ تەتبىقلاپ چۈشەندۈرۈشتە خېلى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. جەمئىيەتتىكى تەبىقىلەر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى، يۇقىرى تەبىقە — ئاقسۆڭەكلەر؛ ئىككىنچىسى، ئوتتۇرا ھال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلار؛ ئۈچىنچىسى، نامراتلار. بۇ ئۈچ تەبىقە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق ۋە ئىجتىمائىي ئورنىدىكى پەرق ھەددىدىن ئارتۇق چوڭىيىپ كېتىپ ئوتتۇرا ھاللىق بۇزۇلۇپ كەتسە، دۆلەت ھالاكەتكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خۇسۇستا يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى، مۇقىملىقىنى قوغداش، سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئاساسىي غول تەبىقە بولغان تۆۋەن تەبىقە نامراتلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يۇقىرى تەبىقە ۋە ئوتتۇرا ھال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ يۈكىنى ئارتماسلىق كېرەك. ئوتتۇرا ھاللارغا بايلارنىڭ يۈكىنى ئارتماسلىق لازىم. ئەگەر ئۇنداق قىلىنمىغان، ئوتتۇرا ھاللار نامراتلىشىدۇ، نامراتلار ھالاك بولىدۇ، ئۇلار ھالاك بولسا دۆلەتمۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا، نامراتلارغا يۈكلەنگەن باج-سېلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئوڭشاپلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىلسە، ئۇلار ئوتتۇرا ھال سەۋىيىگە يېتىدۇ، ئوتتۇرا ھاللار بېيىيدۇ، نەتىجىدە دۆلەت بېيىيدۇ.

بەت 82

يىپ، قۇدرەت تاپىدۇ، دېگەن بۈيۈك ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىزنىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى يۇقىرىقى بىلىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇيغۇر خەلقى پەرزەنتلىرىنى تەبىئەت دۇنياسى ئارقىلىق تەربىيىلەشكە زور ئېتىبار بىلەن قارىغان. ئائىلە مائارىپىدا بولسۇن، مەكتەپ - مەدرىسە مائارىپىدا بولسۇن، تەبىئەتنى پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم دەرسخانىسى قىلغان. ئەسلىدىمۇ تەبىئەت دۇنياسىدىن ئايرىلغان مائارىپ ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىدىن مەھرۇم بولغان مائارىپتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقىدەك يۇقىرى دەرىجىدىكى بىلىش نەتىجىلىرى شۇ تەبىئەتتىن كەلگەن. ئۆز دەۋرلىرىدە ئاددىي دېھقانلارمۇ ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولاتتى. شۇلار شۇ بىلىملىرىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. بالىلارمۇ تەبىئەتنى باغاشلاپ، تەبىئەت بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ يېتىلىپ ئۆستۈرەتتى. ئۇلار نۇرغۇن بىلىش نەتىجىلىرىنى ئويۇنلارغا، قوشاقلارغا، ھېكايىلەرگە سىڭدۈرۈۋەتكەنىدى. پەسىللەر، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇناسىۋىتى، ھايۋانلارنىڭ پەسىللەرگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى، ھايۋانلار ۋە تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ھاياتلىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى ساۋاتلارنى قەدىمكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئويۇنلار ۋە مۇنازىرە قوشاقلىرى، تېپىشماقلار ئارقىلىق ئۆگىنىۋالاتتى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ياز بىلەن قىشنىڭ مۇنازىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مۇنداق بىر ئېيتىشىش خاراكتېرىدىكى داستان پارچىسى خاتىرىلەنگەن:

قىش ياز بىلەن توقۇنۇشتى، قىڭغىر كۆزىن باقىشتى.

بەت 83

تۇتۇشقالى يېقىنلاشتى، ئوتخالمات ئۇغراشتۇر.

(قىش بىلەن ياز بىر- بىرى بىلەن ئۆچەكىشىپ سوقۇشقىلى تۇردى، بىر- بىرىگە يامان كۆز بىلەن قاراشتى. بىر- بىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن يېقىنلاشتى، بىر- بىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ). يۇقىرىقى پارچە ئارقىلىق بالىلار قىشنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ يازنىڭ كېلىدىغانلىقى، يازنىڭ كەينىدىن يەنە قوغلىشىپ قىشنىڭ كېلىدىغانلىقى، بۇلار بىر- بىرىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرقاچان تىرىشىدىغانلىقى، بىراق ھەرگىزمۇ بىرى يەنە بىرىنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. بىراق، يازنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ھاياتقا ئېلىپ كېلىدىغان نېمەتلىرى ۋە خۇشاللىقى بار، قىشنىڭمۇ ھاياتقا ئېلىپ كېلىدىغان خاسىيىتى بار. ياز قىشقا شۇنداق دەيدۇ:

بالچىق بالىق يۇغۇرۇلۇر، چىغاي ياۋۇز يىغرىلۇر، ئەركەكلەرى توغرۇلۇر، تۇرغۇچ بىلەن ئۆرۈشتۇر.

(سەندە لاي- پاتقاقلار يۇغۇرۇلۇپ، ئويۇپ كېتىدۇ. يوقسۇللار دۈگدىيىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ بارماقلىرى قورۇلۇپ، قوشۇماي قالىدۇ- دە، بىرەر پارچە چوغ بىلەن ھەپىلىشىپ، سۆيۈنۈپ كېتىدۇ). قىش يازغا شۇنداق دەيدۇ:

ئول قار قامۇغ قىشىن ئىنار، ئاشلىق تارىغ ئاندىن ئۈنەر،

بەت 84

ياۋلاق ياغى مەندە تىنار، سەن كېلىبان تەبرەشور.

(پۈتۈن قار قىشتا چۈشىدۇ، تېرىق، بۇغدايلار شۇنىڭ بىلەن ئۆنىدۇ ۋە كۆكىرىدۇ. ياۋۇز قۇرت - قوڭغۇزلار مەندە تىنىدۇ، سەن كېلىش بىلەن يەنە تەۋرىشىدۇ). يۇقىرىقى مۇنازىرىنىڭ مەزمۇنى بالىلارغا قىش بىلەن يازنىڭ ھاياتقا ئېلىپ كېلىدىغان خاسىيەتلىرىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. قىش گەرچە يوقسۇللارنى دۆگدەيتكەن بىلەن لېكىن قارلار ياغمىسا، تېرىق - بۇغدايلار ياخشى ئوخشىمايدۇ، زىيانداش قۇرت - قوڭغۇزلار ئۆلمىسە، دېھقانچىلىققا زىيان سالىدۇ، دېگەن ئۇقۇمنى ھاسىل قىلىدۇ. ياز قىشقا دەيدۇ:

سەندىن قاچار سۇندۇلاچ، مەندە تىنار قارلىغاچ. تاتلىغ ئۆتەر ساندۇۋاچ، ئەركەك تېشى ئۇچراشور.

(سەندىن سوغۇقلىغۇچ قاچىدۇ، مەندە بولسا قارلىغاچلار يايرايدۇ، بۇلبۇللار تاتلىق سايرىشىدۇ، ئەركەك بىلەن چىشىسى قوشۇلىدۇ). قىش يازغا شۇنداق دەيدۇ:

قىش يايغارۇ سۇۋلە نۇر، ئەرتات مەنىن ياۋرايۇر.

بەت 85

ئىگىلەر يەمە ساۋرىيۇر، ئەت يەن تاقى بەكرىشۇر①. (ئادەملەر بىلەن ئاتلارنىڭ مۇسكۇللىرى مەھكەم يېتىلىشىدۇ، كېسەللەر قىشتا ئازىيىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئەت يېنى مەھكەم چىڭىيدۇ).

قىش كېتىپ ياز كېلىشى بىلەن قارلىغاچلار كېلىشىپ ئۇۋا تىزىدۇ، گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ، بۇلبۇللار خەندەن ئۇرۇپ سايرىشىدۇ. بىر - بىرى بىلەن جۈپلىشىپ ئەۋلاد كۆپەيتىدۇ. قىشتا بولسا، ئۇلار قاچىدۇ. بىراق قىشتا ئات - ئۇلاغلارنىڭ ئەت يېنى چىڭىپ قەيسەرلىشىدۇ، كېسەللەر ئازىيىدۇ، ئادەملەرمۇ ساغلام بولىدۇ.

يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن باشقا، يازدا پۈتۈن يايلاقلارنىڭ سۈت، قايماق، ئايران، قىمىزلارغا تولۇپ كېتىدىغانلىقى، ئوغلاق، تېكىلەر سەكرىشىپ ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ بار.

قوچقار، تېكە ئايرىلدى، ساغلىق پادىسى توپىلاندى، سۈتلەر ھەممىسى ئاقتى، ئوغلاق - قوزىلار قوشۇلدى.②

بىز يۇقىرىقى قوشاقلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تۇرامىدىن ئۇنى ئۆز دەۋرىدىكى بالىلارنىڭ مۇنازىرە قوشاقلىرى دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. ئۇلار مانا شۇنداق قوشاقلار ئارقىلىق تەپەككۇرىنى كۈچلەندۈرۈپ، تەسىۋۋۇر قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى پېسخىكىلىق تەبىئەتكە، تەبىئەتنىڭ ھاياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا دەس…

① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 - يىل نەشرى، 3 - توم، 380 - بەت. ② «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 - يىل نەشرى، 3 - توم 139 - بەت. 77

بەت 86

لەپىكى ساۋاتلارغا ئىگە قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق بالىلاردا يەنە تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتتىن پايدىلىنىش، تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىدەك ئۇلۇغ ئالىملار مانا شۇ بۈيۈك تەبىئەت ئاتا قىلغان مەرىپەت بوشۇقى ئىچىدە مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر پىكىرلىك، خىلمۇخىل ئويۇنلار ئىچىدە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆزىنىڭ قەلبىگە نەقىشلىۋالغان. بۇ بالىلىق تۇيغۇلار كېيىن تەرەققىي قىلىپ، «قۇتادغۇبىلىك» تەك باھارىيات تەسۋىرىگە ئوخشاش گۈزەل تەسەۋۋۇر ۋە سۈرەتلەرنىڭ چىقىشىغا ئاساس بولغان.

63 ئېسىپ كەلدى شەرقتىن باھارنىڭ يېلى، بېزەشكە جاھان ئاچتى جەننەت يولى.

64 قۇڭۇر يەر ئىپار تولدى، كافۇر كېتىپ، بېزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ.

65 جاپا قىشنى قوغلار يازغى ئېسىن، پارلاق ياز يەنە قۇردى دۆلەت ياسىن.

67 قۇرۇغان ياغاچلار كىيىندى يېشىل، بېزەندى يېيۇن، ھال، سېرىق، كۆك، قىزىل.

68 قۇڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورقۇنى، تاغۇئاچ رەختى يايدى قىتان كارۇنى.

69 دالا، تاغ، قىر، ئويمان تۆشەندى يېيىپ، بېزەندى ئادىللار يېشىل، ھال كىيىپ.

بەت 87

تۈمەن رەڭ چىچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ، 70 ئىپار، كافۇر ھىدىغا دۇنيا تولۇپ.

غاز، ئۆردەك، قىل، ئاق قۇ خۇشاللىق بىلەن، 72 قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقىرى - تۆۋەن.

«قۇتادغۇبىلىك» تىكى 120 مىسرالىق بۇغراخان ۋە باھارىيات تەسۋىرىنىڭ ھەربىر مىسراسىدىن تەبىئەتكە بولغان قۇتلۇق مۇھەببەتنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلىمىز. شائىر تەبىئەتكە شۇنداق جان كىرگۈزگەنكى، بىزنى سېخىي تەبىئەتنىڭ ئىسسىق قوينىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يەتتە يۈز ئون ئىككى يىل ئىلگىرىكى بايانلىرىدىن كېلىپ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانچىلىك چۇڭقۇرلۇققا يەتكەنلىكىنى پەھىم ئېتىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن بىز ئۆز دەۋرىدىكى مائارىپنىڭ تەبىئەت ئارقىلىق تەربىيىلەشكە قانچىلىك زور كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتا - ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، بالىلار ئەمدى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپلا ئۇلارنى جانلىق ۋە جانسىز تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا ھەرگىز سەل قارىماڭلار. بالىلارنىڭ كۆزىگە چېلىققان ھەرقانداق بىر نەرسە ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، مانا شۇ قىزىقىش ئىچىدە ئەقلىي ئورگانلىرىنى غىدىقلايدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل. سىلەر شۇنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭلار بولىدۇكى، ئۆي ئىچىگە قاماپ باققان، تەبىئەت بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇلمىغان بالا خۇددى پارنىكتا ئۆسكەن مايسىغىلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەن بولىدۇ. ھازىرقى شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ كەڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارا-بارا يىراقلاپ كەتمەكتە. ئۇلار خۇددى قەپەستىكى قۇشقا ئوخشاش مەكتەپتىن ئۆيگە،

بەت 88

ئۆيدىن مەكتەپكە كېلىدۇ، كۆرىدىغانلىرى كوچىدىكى ماشىنىلار، ئېگىز بىنالار، ھەتتا مەكتەپتە ئۆگەنگەن تەبىئەت دەرسلىكلىرىدىكى نەرسىلەرنىمۇ پەقەت كىتابنىلا ئوقۇش بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىشكە تازا ئېتىبار بېرىلمەيدۇ. يېزىلاردىكى بالىلار گەرچە ياخشى تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار كەڭ تەبىئەت بىلەن قانغۇچە ئۇچرىشىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن ئەقىللىق بالىلار يېتىشىپ چىقىدۇ. يېزا بالىلىرىنىڭ خاراكتېرى بىلەن شەھەر بالىلىرىنىڭ خاراكتېرىدىمۇ روشەن پەرق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمىز. شەھەر بالىلىرىنىڭ خاراكتېرى بىر ئاز زەئىپ، تۇراقسىز، يېزا بالىلىرىنىڭ خاراكتېرى خېلىلا ئەركىن ۋە قەيسەر. يېزا بالىلىرىنىڭ كۆڭلى خۇددى پاك تەبىئەتتەك بىغۇبار، كىرسىز، شەھەر بالىلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، يۈز-كۆزلىرى ناھايىتى پاكىزدەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېزا بالىلىرىنىڭكىدەك ئۆنچە سۈزۈك، تۈز بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.

ئومۇمەن، تەبىئەت بالىلارغا گۈزەل سېزىم، پاك تەلەپ، قەيسەر خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان جانسىز دەرسخانا. بىراق، بىزدە بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ مەقسەتلىك، نىشانلىق ھالدا تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا، بالىلارنى تەبىئەت بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كەمچىل. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، تەبىئەت دەرسخانىسى بىزدىن ھېچقانداق كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان، ھەممە ئادەم ئۈچۈن سېخى قوينىنى ئاچىدىغان سېخى ئانا. شۇڭا، بىز بالىلارنى تەبىئەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن ھەرگىزمۇ مەھرۇم قىلمايلى.

ئويۇن ئىچىدە بالىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى، تەبىئەت، جەمئىيەتكە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھازىرقى زامان بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرى ئورتاق تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىلغار، تەبىئىي تەربىيىلەش ئۇسۇلىدىن بىرى. بۇ ھەممە مىللەتتە

بەت 89

ئورتاق بىر ئومۇمىيلۇق بولۇپلا قالماي، بەلكى ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ياشاش ماھارىتىنى ئۆگىنىدۇ.

بىز «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بىرەرمۇ مىسرانى ئۇچراتمايمىز. لېكىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالىلىق دەۋرىدە خىلمۇخىل، تۈرلۈك بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ قوينىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بېرىلگەن بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ رەڭگارەڭ، جەلىپكار شەكىلى ۋە مەزمۇنىدىن تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، خۇددى بالىلار ئويۇنلىرىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا كىشىلەر كىشىلىك ھاياتنى بىر مەيدان ئويۇنغا، بىر كېچىلىك چۈشكە، ئېقىن سۇغا، ئاتقان ئوققا، بالىلارنىڭ لايدا ياسىغان روزغارىغا ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلغىنى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. بالىلارمۇ ئويۇنلارنى تۇرمۇشتىن ئۆگەنگەن ۋە تۇرمۇشقا تەقلىد قىلغان. ئۇلار ئويۇنلار ئارقىلىق ھاياتنىڭ تەقلىدىي بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھاياتنى، ياشاشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۆي روزغار تۇتۇش، ئاش-تاماق ئېتىشتىن تارتىپ ئويۇنلىرىدا ئۇرۇش مانېۋىرلىرىنى ئۆتكۈزگۈچە بولغان چوڭ-چىچىك ئىشلارنىڭ بالىلىق ھېسلىرىغا ئىگە بولۇشقان.

ئۇيغۇر خەلقى بالىلار ئويۇنلىرىغا ئەڭ باي خەلقلەرنىڭ بىرى. بۇ ئويۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى شۇ بالىلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان، بالىلاردىن بالىلارغا مىراس بولۇپ قالغان ۋە تەدرىجىي شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ خىللىققا ئىگە بولغان. بىز ھازىرقى زاماندىكى بالىلار ئويۇنلىرىنى قويۇپ تۇرايلى، دەۋرىمىزدىن مىڭ يىللار مۇقەددەم مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ياشاۋاتقان دەۋرلەردىلا ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىدىن نەچچە يۈزلەنگەن تۈرى بولغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. مەھمۇد قەشقەرى ئۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىر قانچە ئويۇنلارنى ۋە ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ۋە جەريانىنى خاتىرى[Footer] 81

بەت 90

لەپ قويغانىكەن. بۇ ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇرمۇشقا شۇنداق يېقىن.

بالىلىق چاغلار ئادەمنىڭ ئەڭ جۇشقۇن، ئەڭ غەمسىز، ئەڭ ئەركىن چاغلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردا پۇل - بايلىق غېمى ۋە تەمەسى يوق، ئەمەل - مەنسەپ تەمەسى يوق، ئادەملەرنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە تۆۋەن مەرتىۋىلىك پەرقى يوق. بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، تارغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر ئاساستا ئويۇنغا قاتنىشىدۇ. پۈتۈن تەبىئەت بالىلارنىڭ دۇنياسىدەك، تەبىئەتنى بالىلار باغاش ئېتىدۇ، تەبىئەت بالىلارنى باغرىغا باسىدۇ. بالىلارنىڭ تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ چېپىۋاتقانلىقىنى، قىپيالىڭاچ ھالدا سۇغا سەكرەپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئىختىيارسىز بالىلىق چاغلىرىدىكى شېرىن ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەيدۇ: مانا تۈنۈگۈن ئاشۇ سەبىي بالىلاردەك غەمسىز، ئەركىن، شوخ بالىلار ئىدۇق. مانا بۈگۈن نۇرغۇن غەم- غۇسسىلەرگە چىرمىاشتۇق، كۆزلىرىمىز خىرەلەشتى دەپ بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەسلىنىمىز، بىراق ئامال قانچە، بالىلىق، ياشلىق ئۆتۈلەرىدا قايتا يانالامىدۇق.

ئۇيغۇر بالىلىرى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ، ھاياتنىڭ ھەربىر باسقۇچلىرىنى مەنىلەر بىلەن بېزەشكە تىرىشقان. ھاياتنىڭ ھەربىر باسقۇچلىرىنىڭ ئۆزىگە توشلۇق خۇشاللىقى ۋە ئەھمىيىتى بولىدۇ، ھەربىر دەۋرنىڭ ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان سوۋغاتلىرى بولىدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرى بالىلىقنىڭ خۇشاللىقىنى، بالىلىقنىڭ جۇشقۇن كۈلكىسىنى، بالىلىقنىڭ ئىنئاملىرىنى ئويۇنلاردىن ئالاتتى. ئۇلار ئويۇن ئارقىلىق تاۋلىناتتى، ئويۇن ئارقىلىق ھاياتنى، تۇرمۇشنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەتتى، ھەتتا ئويۇن ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا تەقلىد قىلىپ، ئۆي - روزىغار تۇتۇش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشاتتى، تۆۋەندىكىلەر مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋاملار بالىلىق چاغلىرىدا ئوينىغان ئويۇنلاردىن بىر قانچە ئۆرنەك.

82

بەت 91

بىرىنچى، مۆڭگۈز-مۆڭگۈز ئويۇنى. بۇ ئويۇندا بالىلار دەريا، ئۆستەڭنىڭ بويلىرىدا تىزىلىشىپ ئولتۇرۇپ، پۇتلىرىنى ھۆل قۇم بىلەن كۆمىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قوللىرى بىلەن قۇمنى چاپىلاقلايدۇ، بالىلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ئويۇنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ: «مۆڭگۈز، مۆڭگۈز» دەيدۇ، باشقا بالىلار «نېمە مۆڭگۈز؟» دەپ سورايدۇ. رىياسەتچى بالا ئارقا-ئارقىدىن مۆڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىنى ئاتايدۇ. قالغان بالىلار ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تەكرارلايدۇ. شۇ ئارىلىقتا رىياسەتچى بالا مۆڭگۈزسىز ھايۋانلاردىن تۆگە، ئېشەك، زىراپە قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ناۋادا بىرەر بالا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۆڭگۈزسىز ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قويسا، ئۇتتۇرغان بولىدۇ-دە، جازاسى ئۈچۈن بالىلار ئۇنىڭ قول-پۇتىدىن تۇتۇپ سۇغا تاشلايدۇ.

بۇ ئويۇن بالىلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ھايۋان ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق خاراكتېردىكى ئويۇنلار بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى بېيىتىپ، ئىنكاسىنى تېزلىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان، چىداملىق بولۇش ئىلكىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئىككىنچى، تەپكۈچ ئويۇنى. بۇ ئويۇننى ئۆز دەۋرىدە «تەپكۈچ» دەيتتى. بۇ ئويۇندا دۆگىلەك قوغۇشۇننىڭ تۆشۈكىگە ئۆچكە چوپۇرىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، تېپىپ ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن پۇت ۋە پۈتۈن گەۋدىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، ئىككى پۇتنىڭ، قولنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا، پۈتۈن گەۋدىنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن، ئويۇندا كېسكىن مۇسابىقە تۈسى بولغاچقا، بالىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ تۈرتكىسىدە بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا نەچچە مىڭغىچە بولغان سانلارنى ساناش، قوشۇش، ئېلىش ھەققىدە خېلى

83

بەت 92

ياخشى ئاساس سالالايدۇ. يەنى بالىلاردا سانلار ئۇقۇمى ياخشى يېتىلىدۇ.

ئۈچىنچى، كۆچۈرمە («ئون تۆت») ئويۇنى. بۇ ئويۇن قەدىمكى ئۇرۇشلارغا تەقلىد قىلىنىپ بالىلارغا خاس تەپەككۇر بىلەن قورغاننى ئېلىش، قورغاندىن قۇتۇلۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان. بۇ ئويۇندا يەرگە قورغان شەكىلدە تۆت سىزىق سىزىلىپ، ئۇنىڭغا ئون ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇمىلاق تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۇرۇق قىلىنىپ تىزىپ ئوينىلىدۇ.

بۇ ئويۇن بالىلارنى كاللا ئىشلىتىشكە، خەتەرلىك ئەھۋاللاردا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول ئىزدەشكە، ئۈمىدۋار خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

تۆتىنچى، ئېلەڭگۈچ ئويۇنى. بۇ ئويۇننى ئاساسەن قىزلار ئوينايدۇ. ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى ئايرىم-ئايرىم ياغاچقا باغلىنىدۇ. ئوتتۇرىسىدا قىز ئولتۇرۇپ پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېلەڭگۈچ ئۇچۇپ، بەزىدە ئېگىزلىپ، بەزىدە پەسلىيىدۇ. بۇ ئويۇننى ئۇ چاغلاردا «ياڭگۇ» دەپ ئاتىغان.

بۇ ئويۇن بالىلارغا ھۇزۇر-شادلىق، ئازادلىق ۋە كەڭلىك تۇيغۇسىنى بېرىدىغان بوشلۇق ئويۇنى. ئۇيغۇرلاردا «راھەت يەردىن بىر گەز ئېگىزلىكتە» دېگەن ھېكمەت بار. بۇ ئويۇن قارىغاندا قەدىمكى بالىلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش، بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە كېرەك.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، تۈپەك مىلتىق ئويۇنى، «تەتەچىلەك» دەپ ئاتىلىدىغان ياڭاق ئويۇنى، «جەڭلى-مەڭلى» دەپ ئاتىلىدىغان لىگگىرتاقتاق ئويۇنى، كېچىسى ئوينايدىغان «قاراغتى» دېگەندەك ئوخشاش يەنە نۇرغۇن ئويۇن تۈرلىرى بولغان. بۇلار كۆرۈنۈشتە پەقەت بىر ئويۇندەك قىلىنغان بىلەن، ئۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، بالىلارنىڭ دۇنياسى، بالىلارنىڭ ھاياتقا قاتنىشىش پراكتىكىسى.

بەت 93

ئۇيغۇر بالىلىرى ناھايىتى ھوشيار ۋە ئەقىللىق، ئۇلار ئۆزىنىڭ بالىلىق ھېسلىرىنى، بالىلىق تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن - نۇرغۇن ئويۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ ئويۇنلارنىڭ ھەربىرىدە ئىنتايىن نازۇك مەنى بولۇشتىن باشقا، بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خاراكتېر يېتىلدۈرىدىغان، تۇرمۇش، ھايات بىلىملىرىنى ھاسىل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ناھايىتى مول مەزمۇنلىرى ۋە قىممىتى بار. نۆۋىتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئىشتىياق بىلەن ئويناۋاتقان بىر سائەتلىك ئويۇنى، ئەزەملىك قىلىپ سۆزلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ياكى ئاتا-ئانىنىڭ بىر كۈنلۈك ۋەز-نەسىھىتىدىن ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى بالىلىق ئويۇنلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ قويمايلى.

3. بالىلارنى تونۇر بېشىدىن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش

«تونۇر بېشى» ئوبرازلىق ئاتالغۇ. بىزنىڭ تونۇر بېشىنى تىلغا ئېلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، قەدىمدىن تارتىپ تونۇر بېشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئائىلىۋى دەرسخانىسى بولغان. تونۇر بېشىدا نۇرغۇن قىسسىلەر، نۇرغۇن جەڭنامىلەر، شاھانى شاھلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراب بولۇشى، نۇرغۇن ئاددىي پادىچى بالىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ خاسىيىتى بىلەن بېشىغا بەخت قۇشى قونۇپ پادىشاھ بولغانلىقى قاتارلىق چۆچەكلەر ئوقۇلاتتى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە مائارىپىنىڭ بىر شەكىلى ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى تولىمۇ جانلىق ئىدى. بالىلار بوۋاق ۋاقتىدا ئەللەي ناخشىلىرى بىلەن بالىلارنىڭ قۇلىقىغا ھاياتنىڭ ئەڭ تولۇق مېلودىيىسىنى ياقىرتىپ، گۈزەل ئارمانلارنى بالىلارنىڭ قەلب ئېتىزىدا سۇغارماقچى بولسا، بالىلار بۆشۈكتىن چۈشكەندە يوتقاندا يېتىپ

بەت 94

ئېيتىلىدىغان ھېكايىلەر ۋە تونۇر بېشى ھېكايىلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇراتتى. خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە نۇرغۇن - نۇرغۇن ئۈلگىلەر كۆرسىتىلەتتى. «چىن تۆمۈر باتۇر»، «شىراق»، «ئوغۇزخان» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايە، قىسسىلەردىكى باھادىر ئوبرازلار بالىلارنىڭ قەلبىدە باتۇرلۇق، ئۈمىدۋارلىق، شۇجائەت تۇيغۇسىنى بېخىلاندۇرۇشتا زور رول ئوينىغانىدى. بۇ خىل تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلى تولىمۇ جانلىق، تەبىئىي ۋە ئىختىيارىي بولۇپ، تۇيدۇرماستىن ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولاتتى. ھەتتا ئاۋامنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن ۋائىزلار، مەدداھلار بولۇپ، بۇلار شەھەر - بازار رەستىلىرىدە رۇستەمى داستانىدىن، ھەزرىتى ئەلى، شاھمەرداندىن تولىمۇ قىزىقارلىق، جەلىپ قىلارلىق قىسسە، جەڭنامىلەرنى تولىمۇ يۇقىرى ماھارەت بىلەن سۆزلەيتتى. نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەر بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بېرىپ تونۇر بېشىدا، يوتقاندا يېتىپ بالىلىرىغا ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدىكى پۇقرالىرىمۇ نەچچە ئون ھېكايىنى بىمالال سۆزلىيەلەيتتى. بالىلارمۇ نۇرغۇن چۆچەكلەرنى سۆزلىيەلەيتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىيلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمۇ بالىلىرىنى شۇنداق يېقىملىق خاراكتېرگە، يۇقىرى دەرىجىدىكى تەسەۋۋۇرغا، مەسئۇلىيەتچانلىققا ۋە گۈزەل پەزىلەتكە ئىگە قىلىشتا يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقى ئېنىق. شۇڭا، مەھمۇد قەشقەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەجدادلارنىڭ روھى شۇنداق نەقىشلەنگەنكى، بۇ ئۇلارغا شۇنداق يۈكسەك مىللىي غۇرۇر، مەغرۇر خاراكتېر، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك روھ ئاتا قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزىدىن مەردانىلىق، شۇجائەت ۋە ئۈمىدۋارلىقنىڭ شولىسى چاقناپ تۇرىدۇ.

بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق، ھەربىر مىسرا، ھەربىر بايانلاردا مىللىي روھ،

بەت 95

نىك چاقناۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مەھمۇد قەشقەرى ئۆز دەۋرىدىكى ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى ئابۇل قاسىم ئابدۇللاھ مۇقتەدى ئەمرۇللانىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپ مەغرۇر ھالدا: «مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرۇجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلىتىدىغانلىقىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى (تۈرك) دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغانلارنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى.» ① دېيىلگەن. ئەھمەد يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇغراخانغا قىلغان مەردانە خىتابلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: «ھەي خاقان، ئەتراپىڭغا ئوبدانراق نەزەر سال. ھەممە ئىش - ھالەتلەر پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ كەتتى، بىلىملىكلەر خارلاندى، ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى. ئەل ئىچىدە يارماس، پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى، ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولدى. مەي بىلەن يۈزىنى يۇيىدىغان بىنەمازلار مەرد، باتۇر ئاتىلىپ، مەي ئىچمەيدىغان پاك كىشىلەر خەسىس تونۇلۇۋاتىدۇ. ئەي ئەل ھۆكۈمدارى، ھەممىدە ھارام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ھالال يوقالدى. ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا كىر بېسىپ كەتتى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ ئامانەتنىڭ ئورنىنى خىيانەت ئىگىلىدى. قېنى يامانلىقتىن توسۇپ ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى؟ … تۇرمۇش ئېغىر.


① «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1 - توم، 1 - 2 - بەت.

بەت 96

لىشىپ تەشۋىش كۆپىيىپ كەتتى. ئاچ كۆزلۈك ئەدەپ، خۇشاللىق سېرىكلەشتى. پېقىر، تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارغا شەپقەتچى يوق. جاھان ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەبلەنگۈچى قېنى؟ قانۇن بۇزۇلۇپ دۇنيا تەرتىپى ناچارلاشتى. يامانلارنى كۆرۈپ ياخشىلارمۇ ئاينىدى، بەزىلەر زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ، بەزىسى ئاچ، بەزىسى يالىڭاچ، بەزىسى قايغۇ بىلەن نادامەت چېكىمەكتە. بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى سەندە، ئۆزۈڭ تېپىپ بولۇپ، دورا- دەرمان بىلەن ئېلىمنى كېسەلدىن قۇتۇلدۇر. ئەگەر سەن ئۇلارنى دورا- دەرمان (قانۇن دېمەكچى. ئا) بىلەن داۋالىساڭ خەلق ھاياتلىق تاپىتى بولمىسەڭ، ئاخىرەتتە ئاللا بۇنىڭ سورىقىنى ئالىدۇ» ① مانا يۇقىرىقىلار خاراكتېر تەربىيىسىنىڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى. بۇلار يۇقىرىقى خىتابلارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىگە، قاراخانىيلارنىڭ ئۇلۇغ خاقانىغا دەۋاتىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىدا مۇشۇنداق يۈكسەك خاراكتېر ئۈلگىسىنى تېپىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ ھەقىقەت ئالدىدا ھەرقانداق ئۇلۇغ شانو شاھلارنىڭ ئالدىدىمۇ ھايا قىلىپ ئولتۇرماسلىققا ئۆگىتىلگەن. ئۇلارغا ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگەتكەن. شۇڭا، ئۇ قورقۇمسىز ئالىملار ئۆزى قىلىۋاتقان ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ھەقىقەتنى، قىممەتنى بىلگەچكە، تېڭىرقاۋاستىن تۇرۇپ، يۈرىكىدىكى گەپلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. شۇڭا، ئۇلار تارىختا ئۇلۇغلىق تاجىنى كىيىشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. خاراكتېرى زەئىپ ئادەملەر مەڭگۈ شان - شەرەپ تەختىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇشەررەپ بولالمايدۇ.

ئۇلارغا شۇنداق ئۇلۇغۋار خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈشتە قۇرۇق ۋەز- نەسىھەت رول ئوينىغان بولۇشى ناتايىن، ئەڭ مۇھىمى، تەبىئىي تەلىم- تەربىيە ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى رول ئوينىغان.


① «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يارمۇھەممەد تاھىر تۈزۈلۈپ رومانلاشتۇرغان نۇسخىسىدىن.

88

بەت 97

بۇنداق تەربىيە ئائىلىدىن، تونۇر بېشىدىن، يوتقاندىن باشلىنىپ، جەمئىيەتتە، مەشرەپتە، ھاياتنىڭ ئېتەكلىرىدە، ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنلىرىدا تەدرىجىي يېتىلىپ بارغان. بىر بالىنى سەن مەردانە بول، ھەقىقەت ئالدىدا مەغرۇر بول، تېز پۈكۈكۈچى، قورقۇنچاق بولما، دېگەن سۆزلەرنى كۆڭلىگە مىڭ قېتىم تەكرارلاپمۇ ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئۆنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئەگەر نەسىھەتۋازلىق بىلەنلا بالىلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ چىققىلى بولىدىغان بولسا، دۇنيادا ھازىرغىچە يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلار ئەمەلىيەتتە ياكى ئۆنداق ياكى مۇنداق شەكىلدىكى نەسىھەت كىتابلىرىغۇ. شۇ مەنىدىن ئالغاندا تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەڭتائىن ياخشى دەرسخانا. نۇرغۇن نەرسىلەر تەبىئىي ھالدا بالىلارنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىدە ھەقىقەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك» تە قوللىنىلغان ئۇسۇل ھەرگىزمۇ نوقۇل ئۆز - نەسىھەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا مۇكەممەل بىر دۆلەتنىڭ بەدىئىي سېخېمىسىنى، بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بەدىئىي كارتىنىسىنى سېزىپ بېلىپ، تەبىئىي ھالدىكى مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە، ئۆتكۈر روھىي توقۇنۇش، بۈگۈن بىلەن ئۆتمۈش، مەۋجۇت رېئال شاھلار بىلەن بەدىئىي شاھلار ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سېلىشتۇرما قانات يايدۇرۇپ، دېمەكچى بولغان پىكىرلىرىنى ئەڭ ئۆتكۈرلۈك ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەسەردىكى كۈنتۇغدى ئېلىگ، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىشلار ئىنساننىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، پاراسەت بابىدا يىگانە، پەزىلەت جەھەتتە دۇردانە، خاراكتېرى مەردانە ئادەملەر. ئەسەردىكى بۇ ئوبرازلار بىلەن سىرداشقان، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئادەم تەبىئىي ھالدىلا ھەقىقىي ئادەمىيلىكنىڭ ئۆلچىمىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئادەمىيلىكنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تونۇۋالالايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ئوبرازلارنى ئەۋلادلارنىڭ ئۆلگە ئېلىشى ئۈچۈن ياراتقان. بۇنداق ھېكايىلەر بوۋىلىرىدىن يۈسۈپنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كىرگەن، ئۇ

بەت 98

بۇنداق ئادەملەردىن ئىپتىخارلانغان ۋە ئىلھام ئالغان. مانا شۇ تونۇر بېشى ھېكايىلىرى قاناتلاندۇرغان ئۆك بارا - بارا مۇكەممەللىشىپ ئاجايىپ ئۇلۇغ ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ ئۆلى بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ياراتقان ئوبرازلاردىن پەخىرلىنىدۇ، ئۇلاردىن سۆيۈنىدۇ ۋە ئەۋلادلارنى ئاشۇنداق ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ: «ئەي دانا ئوغلۇم، نەزەر سالغىن، بۇنداق ئېسىل سۈپەت كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەم، قىلغان ئىشلىرى پەرىشتىلەرنىڭ ئىشى، قېنى ئېيتىپ باققىن، ئۇ ئادەملەر ھەقىقىي ئادەم ئاتىلىدىغان بولسا، بۈگۈنكى خەلقنى نېمە دېگۈلۈك؟ ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ئادەم دەپ ئاتايدىغان بولساق، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى پەرىشتە دېگۈلۈك. ئۇلارنىڭ ئىشى - ھەرىكىتىدىن ئۆگىنىش، سۆزلىرىنى ئاڭلاش، ئۇلار باسقان ئىزدە مېڭىش ھەرقانداق ئادەمگە قۇت ئاتا قىلغاي»①.

مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئۇلۇغ ئەسىرىدە مىللىي خاراكتېرنىڭ ئەڭ يارقىن سىمۋولىنى نامايان قىلغانىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇد قەسرىگە ۋەتەن تۇپرىقىدا ئۆسكەن باھادىر ئوغلانلارنىڭ شۇجائىتىدىن پۈتۈلگەن قىسسىلەر نەقىش چېكىلىپ كەتكەن، بۇ تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللىي مەدەنىيەتتىن پەخىرلىنىش، مىللىي مەدەنىيەتنى ھەرقانداق غەيرىي مەدەنىيەتكە تەڭ قىلماسلىقتەك مىللىي روھنى ئاتا قىلغان. ئۇ مىللىتىنى سۆيىدۇ، ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ئانا تىلىنى ھەممىدىن ئەزىز بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھېچ تارتىپ تۇرماستىن، ئاللانىڭ كالامى يېزىلغان تىل - ئەرەب تىلى بىلەن تۈرك - ئۇيغۇر تىلىنى سېلىشتۇرما قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. يەنە ئۇ مەردانىلىقچە ئەرەب تىلى بىلەن تۈرك - ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنوگرافىيىسى، جۇغراپىيىسى، تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تۇرمۇش شەكلى، دۇنيا قارىشى، ئېستېتىك تۇيغۇلىرى، ئەخلاق مىزانلىرى، پەلسەپىۋى قاراشلىرى، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا ئائىت بىلىملىرى شۇنداق مول ۋە سىستېمىلىق بايان قىلىنغانكى، ئۇنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي قامۇسى دېيىشكە بولىدۇ.

① شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىلى نەشر قىلغان «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يارمۇھەممەد تاھىر تۈزگەن رومانلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى، 387-بەت. 90

بەت 99

لار دىۋانى» دا ۋەتەنپەرۋەرلىك، باتۇرلۇق تېما قىلىنغان نۇرغۇن ھېكايە - قىسسىلەرنىڭ پارچىلىرى، رىۋايەتلەر سۆزلىنىدۇ. ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى قىسسىلەر، ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. يەنە نۇرغۇن - نۇرغۇن ماقال - تەمسىللەر، قوشاقلاردا مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى يارقىن نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئەۋرىشكىلەرنى كۆرىمىز. بۇ ئۆلمەس مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارغا ۋە ئۆز دەۋرىدىكى مىليونلىغان بالىلارغا بۆشۈكىدىن تارتىپ، تونۇر باشلىرىغىچە ئېڭىغا سىڭدۈرۈلۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ روھى ئەجدادلىرىنىڭ يېڭىلمەس روھى بىلەن سۇغىرىلغان.

قەھرىم كېلىپ ئېتىلدىم، ئارسلاندەك ھۆركىرىدىم. باتۇرلار بېشىنى توغرىدىم، ئەمدى مېنى كىم تۇتار.

بىر باتۇرنى تەرىپلەپ شۇنداق دەيدۇ: «غەزىپىم كېلىپ دۈشمەن ئۈستىگە ئېتىلدىم، ئارسلاندەك ھۆركىرىدىم، باتۇرلارنىڭ كاللىسىنى ئالدىم. ئاندىن كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىغا چىقىپ، قېنى، ئەمدى مېنى كىم تۇتالايدۇ، دەپ ۋارقىرىدىم»①.

مېنى قويۇپ بەرسىن مەردلىك مېنىڭ لەقىمىم بولسۇن، مېنى تۇرۇشقا تەۋەتسۇن، ماڭا بىر ئات ياردەم قىل.


① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-توم، 169-بەت.

بەت 100

«مېنى ئۆز مەيلىمگە قويۇپ بەرگىن، مەن بىر مەردلىك قىلاي، شۇنىڭ بىلەن مەردلىك مېنىڭ لەقىمىم بولۇپ قالسۇن، مېنى جەڭگە ئەتەت ۋە جەڭگە ئېلىپ بارالايدىغان بىر ئات ياردەم قىل» ①.

يۇقىرىقىدەك مېڭىلغان باتۇرلۇققا، مەردلىككە دەۋەت قىلىنغان قوشاقلار ئەل ئارىسىدا كەڭرى تارقىلىپ، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولغان. بۇنداق قوشاقلار ئاتىلاردىن بالىلارغا، بالىلاردىن بالىلارغا ئۆتۈپ تونۇر باشلىرىدا، ئۆيلىرىدە ئوقۇلۇپ، بالىلارنىڭ سەبيى قەلبىدە باھادىر ئەجدادلارغا بولغان سۆيۈنۈش ھېسسىياتىنى ئويغاتقانىدى. بۇ قوشاقلار ئەسلى ئۇنداق يەككە - يېگانه بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ چوڭ - چوڭ داستانلار قىسسىلەر ۋە جەڭنامىلەرنىڭ پارچىلىرى ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئەسىرىدە نۇرغۇن تونۇر بېشى ھېكايىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن مىساللار كەلتۈرىدۇ. «قىياستىن مەن ئۈزۆمنى كىسرا ② ياكى قەيسەر ③ دەپ ھېسابلاپ كېرىلدىم، شەدداتتەك جەننەتنىمۇ ياساتتىم. ئىسكەندەردەك پۈتۈن دۇنيانى تەسرۆپۈمگە ئالدام، … چاقماقتەك قىلىچلىق ھەيدەر بولدۇم ياكى رۇستەمدەك دۇنيادا داڭق قازاندىم، ئېيسادەك كۆكمۇ ئۆرلىدىم، نۇشىرۋاندەك ئادىل قانۇن يۈرگۈزدۈم. بايلىقىم قارۇننىڭ بايلىقىدەك تولدى ياكى ئىسھابى رەستەك تۆمۈردىن شەھەر سالدۇردۇم.» ④ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شەخسلەر تارىختا ئىجابىيلىقى ۋە سەلبىيلىكى بىلەن ئەل ئارىسىدا نامى چىققان شەخسلەر بولۇپ، ئائىلەر توغرىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن - ئۇزۇن قىسسىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلىسىدىن، مەكتەپتىن،

① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 3 - توم، 237 - بەت. ② كىسرا - ئېران شاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى. ③ قەيسەر - روم شاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى. ④ يارمۇھەممەت تاھىر توغلىقى رومانلاشتۇرغان «قۇتادغۇبىلىك»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2002 - يىل نەشرى 393 - بەت. 92

بەت 101

مەدداھلاردىن ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ھايات قىسمىلىرىدىن نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان. شۇڭا، تونۇر بېشى ھېكايىلىرىنىڭ پەرەزەنت تەربىيىسىدىكى رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يازما ئەدەبىياتنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى، نەشرىياتچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىر كىتابنىڭ نەچچە مىڭ نۇسخا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى نەتىجىسىدە تەلىم-تەربىيە ۋاسىتىلىرى كېڭەيگەندەك قىلغان بىلەن، بىراق ئۇ بىر بۆلۈك ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، كۆپ سانلىق خەلق بۇ ئەسەرلەردىن بەھرىمەن بولالمايدىغان بىر بوشلۇق شەكىللىنىپ قالدى. بۇ بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭدىن 20، 30 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى ماھارەتلىك قىسسەچى ۋە داستانچىلار بار ئىدى، ئۇلارنىڭ قىسسە، داستان ئېيتىۋاتقاندىكى قىياپىتى، سۆزلىرىدىكى راۋانلىق، جانلىقلىق ھەرقانداق ئادەمنى شۇ قىسسىلەرنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرىپ، خۇددى شۇ قىسسە-مەتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندەك، شۇ جەڭلەرگە قاتنىشىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. نۇرغۇن ئادەملەر ئەتىگەنلىكتىن كەچكىچە ئولتۇرۇپ بۇ قىسسىلەردىن ھۇزۇرلىناتتى. ھازىر بۇ قىسسەچىلەر، داستانچىلار، مەدداھلار نەگە كەتكەندۇ، ئۇلار ئۆلۈپ تۈگىدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئىز باسارلار چىقمىدى. بۇ بىزنىڭ مۇھىم بىر غەنىيمىتىمىزدىن جۇدا بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرماقتا. ئۇلار تونۇر بېشى ھېكايىلىرىنىڭ ئىجادچىلىرى ئىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزنىڭ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلىرىمىز ھازىر بىرەر ھېكايىنى، بىرەر قىسسىنى مۇكەممەل سۆزلەپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تونۇر بېشى ھېكايىلىرى، يوتقاندىكى ئەللەي ھېكايىلىرىنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. نۇرغۇن ھېكايە-چۆچەكلەر كىتاب بولۇپ جەمئىيەتكە تارقالغان بولسىمۇ،

بەت 102

لېكىن ئۇنى پەقەت ساۋاتلىق ئادەملەرلا ئوقۇيالايدۇ. نۇرغۇن ئادەملىرىمىز ساۋاتسىز ۋە چالا ساۋات بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىتابلارنىڭ تارقىلىشىمۇ ناھايىتى چەكلىك بولماقتا. يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئاغزاكى ئېيتىلغان ھېكايىلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە رولى كىتابتىن ئوقۇپ بەرگەنگە قارىغاندا چوڭراق بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. بۇنداق ياخشى ئەنئەنىنىڭ ئائىلە مازارىپىدىكى ئورنىنىڭ بوش قېلىشى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئەسلىتىدۇ: «بۇرۇنقى زامانلاردا ئىلىم - ھېكمەت ۋە پەزىلەت ئىگىلىرى بار ئىدى. ئۇلار جىق ئۆگۈت - نەسىھەتلەرنى ئېيتىقاندى. بۇ ئۆگۈت - نەسىھەتلەرنى ئەسلىسەم، كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ»①.

يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئائىلە تەربىيىسىدە نەسىھەتنىڭ رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ھەم پەرزەنت تەربىيىسىدە نەسىھەتنىڭ رولىغا سەل قارىغانلىقتىن بەك ئېچىنغان:

6472 قېنى ئەمەر - مەرۇپ قىلغۇچى كىشى، قېنى ئۇ يامانلىق توسقۇچى كىشى؟

6473 سودىگەر ئامانەت ۋەسىپىن يوقاتتى، ھۈنەرۋەن نەسىھەت - ئۆگۈت تەرك ئەتتى.

مانا شۇنداق ئېسىل ئەنئەنىگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ مىزانى بۇزۇلۇپ، ئەۋلادلارنىڭ ياخشى ئادەتلىرى تەرك ئېتىپ، يامان خۇيلارنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغانلىقى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ: «نەزەر سال ئوغۇل ئاتىسىغا ئاتىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا بولغۇچى قۇل بولۇۋاتىدۇ. ئوغۇل - قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى، قېرى» دېگەن

94

بەت 103

ھۆرمەتلىك نام ئەمدى ھاقارەت بولۇپ قالدى»①. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە ئائىلە تەرتىپىنى، ئائىلە ئەخلاقىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل، پەرزەنتلەرگە بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيەنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىدىن دەپ قارىغان. ئالىم دەۋاتقان نەسىھەت تىلىپى تونۇر بېشى ھېكايىلىرى ئارقىلىق بېرىلىدىغان تەبىئىي نەسىھەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىزگە مەلۇم.

ئەگەر ھازىر تونۇر بېشى ھېكايىلىرى ئارقىلىق تەربىيىلىنىشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان، ئۇنىڭدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بولسا ئىزدەپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، تېلېۋىزور ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي تەربىيىلىنىشىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇ ياتلاشتۇرۇش رولىنى ناھايىتى ياخشى ئاتقۇرۇۋاتىدۇ.

① «قۇتادغۇبىلىك» يارمۇھەممەد تاھىر تۈزۈلۈپ رومانلاشتۇرغان نۇسخىدىن. 95

بەت 104

ئۈچىنچى باب: چوڭقۇر ئەقىدە، يارقىن خاراكتېر بىلەن يۇغۇرۇلغان ھايات

1. ھاياتقا ۋە بەختكە تەلپۈنگەن ئەقىدە

950 - يىللىرى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ قاراخانىيلارنىڭ شاھزادىسى سۇلتان سۇتۇق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئۆزۈن ئۆتمەي ئۇ نائىبخان ئوغۇلچاقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، قاراخانىيلارنىڭ ئۇلۇغ خاقانى بولغان ۋە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن. 11 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا ئىسلام دىنى قاراخانىيلار جەمئىيىتىدە ئەڭ مۇكەممەل ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. ئائىلە مازارىپىدا بولسۇن، مەدرىسە مازارىپىدا بولسۇن، ئاۋام مازارىپىدا بولسۇن، ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ئەۋلاد تەربىيەلەش ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەبى مىليونلىغان ئۇيغۇر پەرەنتلىرى ئىسلام ئېتىقادى ئىچىدە چوڭ بولغان. ئۇلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن تارتىپ ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىدىيەسى چوڭقۇر سىڭدۈرۈۋېتىلگەن. ئادابىيىسى، شەخسنىڭ ھەرىكىتى - ھەرىكىتى، ئائىلە مۇناسىۋىتى، گەپ - سۆزلىرى ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلغان.

ئىسلام دىنى ئىنسانلارغا يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەت،

بەت 105

ئىلىم - مەرىپەت ئېلىپ كەلگەن دىن؛ كىشىلەرگە سەمىمىيلىكنى، مېھرىبانلىقنى، ياخشىلىقنى ئاتا قىلغان دىن. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىك، زۇلۇمغا چەك قويۇپ، ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن. ئىسلام دىنى تۇنجى بولۇپ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغان، ئىنسانلارنى نادانلىق جاھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھىدايەتكە، مەرىپەت دۇنياسىغا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان دىن.

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى مەرىپەتلىك، ئىقتىدارلىق، ياراملىق ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم» نىڭ 96 - سۈرە «ئەلەق» تە: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر، ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.» دېيىلگەن. بۇ غايەت زور بىر يۆنىلىش ئەمەسمۇ، ئادەم ئەسلىمى بىر پارچە لەختە قاندىن ھاسىل بولغان گۆش ئىدى، ئاللا ئۇنى چىرايلىق شەكىلگە كىرگۈزۈپ، بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى. بىراق ئۇ ھېچ نەرسىنى بىلمىگەن ھالەتتە دۇنياغا كەلدى. شۇڭا ئۇ «ئوقۇ» دېگەن ئەمىرنى قىلىپ، ئوقۇش ۋە ئوقۇش قورالى قەلەمنى دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ياراتقۇچىسىنى تونۇشنىڭ ۋاستىسى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. مانا شۇ ۋاستە ئارقىلىقلا شۇنچە ئەرزىمەس بىر لەختە قاندىن ئاپىرىدە بولغان ئىنسان ئالەمدىكى بارلىق مەخلۇقاتتىن كامالەتلىك ۋە پەزىلەتلىك، شەەرەپلىك ئادەمگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىلىم - مەرىپەتنىڭ نۇرى بىلەن جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلۇپ، نۇرلۇق ساھىلغا چىقالايدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئىنسان تىرىشىش ئارقىلىق شۇنچە تۆۋەن دەرىجىلىك لەختە قاندىن كائىناتتىكى سىر - ئەسرارلارنىڭ سىرىنى ئاچالايدىغان، كۆڭۈلدىن كېچىپمۇ باقمىغان مۆجىزىلىك ئىختىرالارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە

بەت 106

كامىل ۋە ئىمكانىيىلىق قىلىپ ياراتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ كاتتا ئىسلام ئۆلىماسى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا كىچىكىدىن باشلاپ ناھايىتى ساپ ئەقىدە سىڭدۈرۈلگەن. مۇشۇنداق بۈيۈك ئەقىدە ئۇنى گۈزەل، قۇتلۇق ئىستىقبال بىلەن كۈتۈۋالغان. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ساپ، ئەڭ ساغلام روھى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئەسەرنىڭ ھەممىسانا قىسمىدىن تارتىپ، تۇرمۇش بىلەن تۈگۈلۈمىشنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا، ساۋاب ۋە گۇناھ ھەققىدىكى كېسكىن مۇناسىۋىتىگىچە، ھەتتا ئەسەرنىڭ پۈتكۈل قاتلاملىرىغا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇنىڭ نادانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئېتىقادنىڭ قارغۇ، گاس، مەجرۇھ، ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرى ئۇنىڭ ئەقىدە - ئېتىقاد جەھەتتە قانچىلىك چوڭقۇرۇق ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. (سىلەر بۇ كۆزقاراشنىڭ تەپسىلاتىنى «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا» دېگەن كىتابىمدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ). بۇ يەردە پەقەت پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى ئۈچۈنلا قىسمەن مىساللار بىلەن كۇپايىلىنىمىز: ئۇ ئەقىدە، ئېتىقاد ھەققىدە مۇنداق مەزمۇندىكى ئىلغار پەلسەپىۋى ھەقىقەتلەرنى جاكارلايدۇ: ھەرقانداق ئېتىقاد مۇكەممەل بىلىش ۋە چوڭقۇر چۈشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلسا مۇستەھكەم ۋە تايماس بولىدۇ. ھەرقانداق تەۋرىنىش ۋە ئازغۇنلۇق پەقەت چۈشەنچە ۋە بىلىشتىكى ئاجىزلىقتىن، يۈزەكىلىكتىن، ئىىرادە ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ. بىلىمسىزلىك، نادانلىق، ئەقىلسىزلىك ۋە تەۋرىنىش بىلەن قىلىنغان قارىغۇلارچە تائەت - ئىبادەتنى ئاللا قوبۇل قىلمايدۇ. ئىبادەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بىلىم بولۇشى كېرەك، چوڭقۇر بىلىشكە ئىگە بولغاندىلا، بايات (ئاللا) بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى، بۇ دۇنيا بىلەن ئۆزۈڭ ئوتتۇرىسىدىكى، بۇ دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئەقلىي چۈشىنىپ يېتەلەيسەن. تەڭرىنىڭ قۇد[Footer] 98

بەت 107

رەت كامالىغا بىلىم نۇرى بىلەن يورۇغان ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن باققاندىلا، ئاندىن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغان چەكسىز نېمەتلەرنى ھېس قىلالايسەن. ئەگەر بىلىمسىز، نادان بولساڭ، ھەقنى ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن كۆرەلمەيسەن، سەن تەڭرى ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامالىتى بىلەن ياراتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ سىر - ئەسرارلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، ئۆزۈڭنى ئادەمىيلىك سۈپەت بىلەن سۈپەتلىسەڭلا، ئاندىن ھەقىقەتكە يېقىنلىشالايسەن، چۈنكى، ھەقنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن قەلبى نۇرلانغان كىشىلەرلا ھەقىقىي كۆرەلەيدۇ. پاكلىقنى قەلبى پاك بولغان ئادەملار ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا، ئىبادەت ئۈچۈن ئاۋۋال كۆپلىگەن بىلىملەرنى ئۆگەن گىن. بىلىمسىزلىكتە قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەن. ئاللا ئادەمنى ئاڭلىق، بىلىملىك، ئەقىللىق، بەختىيار ھالەتتە كۆرۈشنى خالايدۇ. شۇڭا، خۇدا بىلىمسىز، نادان، ئەقىلسىزنىڭ قاپقاراڭغۇ قەلب بىلەن قىلغان ئۆمۈرلۈك ئىبادىتىدىن كۆرە، ئاڭلىق، بىلىملىك، مەنىۋىيەتلىك، قەلب كۆكسى كەڭ، ياخشىلىقنىڭ بەندىسى بولغان كىشىلەرنىڭ ئازغىنە ساۋابىنى يۇقىرى بىلىدۇ.

3225 بىلىمسىز قىلىنغان تائەتتىن كۆرە، گەر ئۇخلار بىلىملىك ساۋابى ئۆرە.

3224 بىلىپ قالسا تائەت ساۋابى تۈمەن، ساۋاب كۈتمە بىلىمسىز ئىبادەت بىلەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئۆز دەۋرىدىكى تەركىدۇنيالىققا، كىشىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ماددىي نېمەتلىرىدىن ئەركىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشلىرىغا قارشى تۇغۇلغان ئازغۇن مۇقاملىرىغا قارشى مۇنداق ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «بۇ دۇنيانىڭ

بەت 108

ماددىي نېمەتلىرىنى تەرك ئېتىش ئازغۇنلۇق، ئاللا ھەرگىزمۇ بەندىلىرىنىڭ بەختسىزلىك، موھتاجلىق، خار - زارلىقتا ياشىشىنى خالىمايدۇ. ئۆزى ئەڭ مۇكەممەل ياراتقان بەندىلىرىنىڭ شۇنچە خاراب، زەئىپ، ئىقتىدارسىز، مەجرۇھ، كېسەل ھالەتتە ئۆزلىرىنى جاھالەتكە بەند قىلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇ بۇ كەڭ دۇنيانى باي-ئاتچىلىقنى، ئىختىيارلىقنىڭ ئۇرۇقى چېچىلغان مەئىشەت باغچىسىنى خاتا تەرغىباتلارغا قول بولۇپ ئۆزۈڭگە ھارام قىلما. بۇ دۇنياغا يارىتىلغان نېمەت ھەرگىزمۇ يامان نەرسە ئەمەس، ئۇ بەندىلەرنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە بەھرىمەنلىكىنى كۆزلەپ بانا قىلىنغان. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەر ئىككى دۇنيانىڭ بەخت - سائادىتىگە ئېرىشىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. دۇرۇس يول بىلەن تېپىپ، توغرا يولغا سەرپ قىلىنغان مال جەننەت دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، جەننەتتىكى فىردەۋسنىڭ يول خېتى بولىدۇ.

3924 ھالال مال تاپقان ئەر ھەر ئىككى جاھان، يېمەك ۋە كىيمەكتىن قىسىلماس ھەرئان.

3926 بۇ دۇنيا مېلى گەر ياخشىغا چۈشەر، ھەر ئىككى جاھان ئۇ ھالاۋەت كۆرەر.

3927 تېپىپ دۇنيا مېلىن، يېيىش بىلسا، بولۇر بەك ئېغىر يۈك يۈدۈپتۇ دېسە.

مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئىلغار تەشەببۇسلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئۆزلىشىشى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىدىكى ئازغۇن ئەقىدىنىڭ قۇربانى قىلىنمىغان، ئۇ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ئىلغار دۇنيا قارىشى نەتىجىسىدە ئەڭ ئىلغار دۇنيا قاراش

بەت 109

بىلەن تەربىيىلەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ھەرگىز چۈش- كۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك، يىغا- زار، قۇرۇق دۇئالارنىڭ سايىسىنى كۆرمەيمىز. بەلكى، ئۇ ناھايىتى يۈكسەك ئىشەنچ، غۇرۇر، ئۈمىد- كە تولغان روھنى ئەسىرگە سىڭدۈرگەن. كىشىلەرنى ھاياتقا، بەختكە، گۈزەللىككە، تەرەققىياتقا يېتەكلىمەكتە. بىز بۇنى يۈسۈپنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىلا سىڭدۈرۈلگەن ساغلام ئېتىقادنىڭ كېيىنكى نەتىجىسى دەپ قارايمىز.

2. يارقىن خاراكتېر ئۇنى مەردلىككە، سەمىمىيلىككە چاقىرغان

يۈسۈپ كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلىدە سەمىمىيلىك، كەڭ قورساقلىق، راستچىللىق، مەردلىككە ئادەتلەندۈرۈلگەن. ئىسلام ئەقىدىسىدە مەردلىك تەشەببۇس قىلىنىدۇ، نامەردلىك چەكلىنىدۇ؛ سەمىمىيلىك مۆمىنلەرنىڭ ھايات مىزانى بولۇشى تەكىتلىنىدۇ، ساختىپەزلىكنى مۆمىن ھېسابلىمايدۇ. يالغانچىلىقنى مۇناپىقلىقنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئەۋنە قىلىنغان يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرمىدا: يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام راستچىل، سەمىمىي، كەڭ قورساق، مەرد، شۇڭا ئۇ ئاللانىڭ قوللىشى ۋە يوللىشى بىلەن ئاخىر مىسىرنىڭ كاتتا ئەمىرى بولالايتتى. ئۇنىڭ بىر تۇغقانلىرى يالغانچى، قورسىقى تار، كۆرەلمەس، نامەرد، تەخىرسىز بولغانلىقى بىلەن ئاخىر ئاللانىڭ ۋە ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپقا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى قويغان ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقىدە- ئېتىقادىنى، مىجەز- خاراكتېرىنى سۆزلەپ بېرىشى چوقۇم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ راستچىللىق، كەڭ قورساقلىق، سەمىمىيلىك، مەردلىك، مېھرىبانلىق بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە

بەت 110

گە ئېرىشكەن ئۇلۇغ زات ئىدى. شۇڭا ئاللا ئۇنى ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىك بىلەن مۇكاپاتلىغان، پۈتۈن ئىنسانلارغا باش قىلغانىدى. ئىسلامىيەت تارىخىدا مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇنداق ئەقىدە - ئېتىقاد يۈسۈپنىڭ بالىلىق قەلبىگە نەقىش بولۇپ چېكىلگەنىدى. ئۇ بۇ خىل ئەقىدىسىنى ھەم ئەسىردە شۇنداق ئۇتلۇق مىسرالىرى بىلەن ئىپادىلىدى. ئۇ ھەقىقىي چىن كىشى قانداق بولىدۇ، دېگەن سوئالغا: «يۈرەكنى ئالقىنىڭغا ئېلىپ قويۇپ، ئەل ئارىسىدا ئۇيالماي يۈرەلىگەن ئادەم ھەقىقىي چىن ئىنسان ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مانا بۇ مەردانە، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ بەلگىسى.

بىز «قۇتادغۇبىلىك» ئارقىلىق يۈسۈپنىڭ قەلبىدە ئادالەت، ھەققانىيەت ئۈچۈن تەۋرەنمەي قەتئىي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئۇلۇغۋار ئەقىدىنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى تۈپكى مەقسىتىمۇ ئەلدە ئادالەت ئورنىتىش ئۈچۈن بولغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئۇنىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى قەلب دەپتىرىگە ئاتا - ئانىسى ئادالەت، ھەققانىيەتتىن ئىبارەت ئەقىدىنى چېككەنلىكىنى كۆرىمىز. ئىسلام ئەقىدىسىدە ئىنسانلارنىڭ بىر ئاتا، بىر ئانىدىن تۇغۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا باراۋەر يارىتىلغانلىقى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقتا، ئىمتىيازدا، قانۇن ئالدىدا پادىشاھ بىلەن پۇقرالار باراۋەر بولۇشنىڭ كېرەكلىكى توغرىسىدىكى دەۋەت باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن. ئۇ بۇ دۇنيانىڭ زۇلۇم دۇنياسى ئەمەس، بەلكى ئادالەت دۇنياسى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلار بۇ دۇنياغا بىر - بىرىنى ئېزىش، قۇل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر - بىرىگە ياردەم قىلىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا ئۇ بۇ دۇنيادا بۆرە بىلەن قوي بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان ئىناق بىر جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت غايىسىنى ئەسىرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە سىڭدۈرگەن.

بەت 111

رىدۇ. ئۇ ئەلدىكى تەڭسىزلىك، زۇلۇم، ئادالەتسىزلىكتىن تولىمۇ بىئارام بولىدۇ. بۇنداق ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇ ناھايىتى ياخشى چۈشىنىتتى. يېگەنلەر يەۋەرسە، زۇلۇم چېكەلەر زۇلۇم چېكىۋەرسە، تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارغا شەپقەت قىلىدىغان ئادەم بولمىسا ئاخىر تەڭرىنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۆزىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ مەردانە-لەربەغۇز دەۋرىدىكى ئېلىك چۆك ھۆكۈمران بۇغراخانغا شۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «ئەي بەگ، سەنمۇ بەگلىكىم ئۈزۈن داۋام قىلسۇن، دەيدىكەنسەن، ئادىل بول، زۇلۇمنى ئېلىكتىن تامامەن يوقات، سەن خەلقنىڭ باشچىسى ئىكەنسەن، ئويغاق، ئېقىللىق خەلق ساقچىسى بول»①. «ھەي ھۆكۈمدار، بەندىلەرگە مۇلايىم ياخشى مۇئامىلىدە بول، ئادىل بول، ئادالەت بىلەن تۇر، تەڭرى سېنى ئولارنىڭ ئۈستىگە ئادالەت ئۈچۈن تىكلىدى. ئادالەت نۇرۇك چۆك - كىچىككە ئوخشاش چۈشسۇن. ھەممىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلىسەڭ، ئاۋۋال ئۆزۈڭ ياخشى بول. ئەل ئىچىدىكى بۇلغىنىشلارنى تازىلايمەن دېسەڭ، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى تازىلا. ئاندىن ئەل ئىچى يامانلاردىن تازىلىنىدۇ.»② «قانون تۈز، ئۆنى ياخشى ئادالەت ئۈستىگە قۇر، ئەگەر قانون يامان تۈزۈلگەن بولسا، تەڭرىكە بىر توئۇرۇكتوركى. ئەگەر قانون يامان تۈزۈلگەن بولسا، تەڭرىنىڭ توئۇرۇكى يىقىلىدۇ.»

2136 گەر قايسى بەگ خەلققە قانون بەرەمسە ، خەلقنى كۆزەتمەي ، يېگەنلەر يېسە .

① «قۇتا hisس بىلىك»، رومانلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى، 78 - بەت، 7 - 2 - بەت. ② يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش. 103

بەت 112

2137 بوزۇلۇپ ئېلى، ئۇ خەلققە چاچار ئوت، بۇ بەگلىك ئۆلى بولغاي شەكسىز نابۇت.

3464 يوق ئەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا، يەتتە قات زېمىننى بوزاتتى خۇدا.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا مۇشۇنداق ھەققانىيەتچىلىكى، ئادالەتپەرۋەرلىكى بىلەن ئۆمۈر بويى ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئەلدە ئادالەت ئورنىتىپ، ئېلىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. ئۇ ئىسيانكارلىق بىلەن ئادالەتسىزلىككە باتۇرلارچە جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇ ۋاپادارلىق، ساداقەت ئۈچۈن چوقان كۆتۈردى. ئۇنىڭ زامانىسىغا بولغان نارازىلىقى پەلەككە يەتتى: «مەن ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈرەي، جاھان كېزىپ دۇنيادا ۋاپادار ئادەم بولسا ئىزدەپ كۆرەي، بۇ دۇنيادا ھەقىقىي ئادەم قىس بولۇپ كەتتى، ھەقىقىي، چىن ئادەملەرنى قەيەردىن ئىزدەسەم بولاركىن. قېنى، ئىزدەپ تاپقۇدەك بولسا ئىزدەپ باقاي. ھەممە ئارزۇيۇمغا يەتتىم، لېكىن ھەقىقىي ئادەمگە ئېرىشەلمىدىم. دۇنيانى جاپا قاپلاپ، ۋاپا قەھەتچىلىكى بولدى، قېنى سوراپ باقاي، كىمدە ۋاپا باركىن. مۇبادا ۋاپادار، سېخىي ئەرنى تاپسام ئىدىم، يەلكەمدە كۆتۈرەتتىم، كۆزۈمگە سۈرتەتتىم»، «ئى ئاللا، ۋاپاسىزلارغا يولۇقۇپ غەمگە پاتتىم. ۋاپادار كىشىنى تاپسام، شېرىن جاننى پىدا قىلاتتىم. ئادەم دېگەن ناملا قالدى. ھەقىقىي ئادەمىيلىك يوقالدى. ئەگەر قەيەردە ئادەمىيلىك بولسا، مەنمۇ شۇ ياققا باراتتىم.» ①

«نېمىسىنى ئېيتاي، ئاداش - قولداشلاردىن ئۈمىد قالمىدى، قېرىنداشلىرىم ياتلىشىپ كەتتى. ئەگەر ئىشەنچ بىلەن خاتىرجەملىك


① ②، ③ «قۇتادغۇبىلىك»، رومانلاشتۇرۇلغان نۇسخا، ئاخىرقى ئىلاۋىنىڭ 2 - بۆلۈمىگە قارالسۇن.

بەت 113

قەسەم بىلەن بولىدىغان بولسا، قېنى ئۇ قەسەمگە ئەمەل قىلغۇچى، ئۇنى ئەر ئاتايلى. نان - تۇز ھەققىنى ساقلىغۇچى بارمۇ. شۇنداق كىشى بولسا ئالتۇن - كۈمۈش، مەرۋايىتلارغا كۆمۈۋەتەتتىم. «ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، دۇنيادا ئابادانلىق نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلەر قېنىدۇ، بىر ماختىۋالسام كاشكى، ئۇلار يولغا قويغان ياخشى قائىدە - تۈزۈملەرنى بۈگۈنمۇ كۆرسەم ئىدى، قانچە شادلانغان بولاتتىم. يا بولمىسا ياخشى قائىدە - قانۇنلارنى تۈزىدىغانلار بولسا تۈزسۇن، ياخشىلارنى تۆرىگە باشلاپ، يامانلارنى سۈرۈپ چىقاراي، بۇ يەردىن ياخشىلىق تاپالمىدىم. ئۆلۈس، شەھەرلەرنى تاشلاپ كىشىلەردىن يىراقلىشاي. نامىمنىمۇ بىلمىسۇن، مېنىمۇ كۆرمىسۇن، ئىزىدەپمۇ تاپمىسۇن، گېپىم شۇ. چاياندەك چاقىدۇ، چىۋىندەك شورايىدۇ، ئىتتەك قاۋايدۇ. قايسىبىرىنى ئۆراي. بۇ جاھىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ئەلەم يەتتى، ئەمدى كېچە - كۈندۈز بۇ ئەلەمدە يەنە قانداق يۈكلەرنى يۈدەي. پۈتكۈل جەبىر - جاپا ماڭلا كېلەمدۇ، بۇ پەس، جاھىللاردىن چەتتىرەك تۇراي.

بىز يۇقىرىقى ئوتلۇق، جاراڭلىق خىتابلاردىن ئاجايىپ ئالىيجاناب بىر ئىنساننىڭ سىيماسىنى كۆرىمىز، جاھالەتكە يۈرەكلىك ئوت ئاچالمىغان، قاباھەت دەشتلىرىدە ئات چاپتۇرغان گىگانت بىر ئىنسان تەبىئىتىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ قەلبى ئەلەمدىن ئۆرتەنمەكتە، باغرى ياتلىشىشتىن تىلىنماقتا. ئەسلى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانماقتا. ئۇ بىر يورۇق مەنزىلنى ئىزدەنمەكتە، بىراق ئۇ يالغۇزلۇق قىلماقتا ئىدى، نادانلار ئۈچۈن قورساقنىڭ غىمىدىن باشقا غەم، شەخسىي مەنپەئەت تەمەسىدىن باشقا ئەلەم بولمايدىكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنى ئەمەس، ئەلنى ئويلايتتى. نەپسىنى ئەمەس، ئەلنىڭ قىسمەتلىرىدىن ئەلەم چېكەتتى. ئادەم قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلسە، ئۇنىڭ ئازابى شۇنچىلىك ئارتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەڭ ئۇلۇغ مەۋجۇدات ئىدى، بىراق ئۇلارنىڭ پەرۋاسىز، بىغەم، مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇغان ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ

بەت 114

ئەسلىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن يۈرىكى ئېچىشماقتا ئىدى. ۋاپاسىزلارنىڭ دەردىدە ئۇنىڭ باغرىنى چايان چاققاندەك، چۆنلەر شورىغاندەك، لەختە - لەختە قان قىلماقتا. ياتقانلار ئۇنىڭ كەينىدىن ئىتتەك قاۋايتتى. بىراق ئۇ بۇنداق ئىنسانلارغا، چايانلارغا پەرۋامۇ قىلماي، ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى تاللىۋالغانىدى.

يۈسۈپ ئۈمىدۋار ئىنسان ئىدى، شۇڭا ئۇ: «ئىتتىن قاچقاننى قانداقمۇ بۆرە دېگىلى بولسۇن، ئەرنىڭ كەينىدىن ھاۋشىپ-قاۋاپ تۇرىدىغان مىڭ ئىتنىڭ ئۇنى ئەگىشىپ تۇرمىسا ئۇنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن» دەپ ئۆزىنىڭ يولىنى مەردانىلەرچە داۋاملاشتۇرغانىدى. ئۇ قەلبىدىكى دەردلەرنى ئىچىگە يۇتۇپ، سۈكۈت ئىچىدە پۇرسەت كۈتۈشنى خالىمايتتى. كىشىلەر ئالدىدا قۇرۇق داۋراخلارنى سېلىپ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغان ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىش قولىدىن كەلمەيدىغان پوپايچىلارغىمۇ ئوخشىمايتتى. ئۇ ۋۇجۇدىنى ئىگىلىۋالغان ئەلەم داغلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇيۇشنى، تەشۋىش ۋە بىئاراملىق تۇمانلىرى ئىچىدىن قەدەم زۇلپىقارى بىلەن يورۇق مەنزىلگە يېتىشنى ھاياتىنىڭ مەقسىتى قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئادالەتنىڭ قوڭغۇرىقىنى چالدى، ئىپادىلىنىش سىگنالىنى ياڭراتتى، ئەسلىي ئىنسان تەبىئىتىنىڭ سېيماسىنى جەۋلانغا كەلتۈردى. مانا بۇ ئۇلۇغۋار، تاۋلانغان ئىنسان خاراكتېرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى، مانا بۇ ئەقىدە - ئېتىقادتىن سۇغىرىلغان، ئەسلىي ئىنسان تەبىئىتىدىن نۇرلانغان، ئەتراپلىق تەربىيىدىن قاناتلانغان يېڭىلمەس خاراكتېر ئىدى.

3. چوڭقۇر ئەقىدە ئۆلۈمنى مەنىسىزلىككە ئۆگەتكەن

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ۋەھىمىلىك ۋە قورقۇنچلۇق تەشۋىشنىڭ

بەت 115

بىرى ئۆلۈم كۆلەڭگىسى. بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن بارلىق شەيئىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. بىراق، ئۆلۈمنىڭ ئالدى - كەينىلىك پەرقى بار. ئۆلۈم دېگەن ياشقىمۇ بار، قېرىغىمۇ بار. بىراق، ئۆلۈمنىڭ قەدىر - قىممىتى خاراكتېرلىك پەرق قىلىدۇ. ئۆلۈم ھەممە نەرسىنىڭ تۈگىگەنلىكىمۇ، ئۆلۈم ھاياتلىق تراگېدىيىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىمۇ؟ ئۆلىدىغان جان ئۈچۈن ئۆي - ۋاقىتسىز، بالا - چاقىسىز، ئەتەنسىز تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش كېرەكمۇ، ھامىنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ دۇنيانىڭ كەيىپ - ساپاسىغا، ئويۇن - تاماشاسىغا ئالدىراپ ئاستە تاللىماي نومۇسسىزلارچە، شەرمەندىلەرچە ياشاپ، لەنەت - نەپرەتكە، قارغىشقا نىشان بولۇپ ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇش كېرەكمۇ، ۋەەتەن، خەلق ئۈچۈن، ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى، ياخشى نامنىڭ ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن پاك ياشاپ ئالەمدىن شان - شەرەپ بىلەن كېتىپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆلگە بولۇش كېرەكمۇ؟ مانا بۇ تارىختىن بۇيان ئىككى خىل دۇنيا قاراش، ئىككى خىل قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدىكى ماھىيەتلىك پەرق.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە، مۆمىنلەر ئۈچۈن ئۆلۈم يوق ھەم ئۆلۈمدىن قورقۇش يوق، ئۆلۈمدىن قورققان ئادەمدە ئىماندىن ئەسەر يوق. ئادەم ناپاكلىق بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئېتىكىنى بۇلغاپ ياشىغاندىن ئۆلگىنى ياخشى، ئۆلگىنى ياخشى ئادەمنىڭ ھاياتلىق دۇنياسى ئۈچۈن نېمە قىممىتى بولسۇن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەقىدىسىدە ئادەم ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىماستىن، ياشاش ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك، دېگەن ئىدىيە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەندى. ئۇ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ باشتىن - ئاخىرىغىچە ئۆلۈمنى ئەسلىتىپ ماڭىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن توغرا، ئۈنۈملۈك پايدىلانسا بىر ئادەم مىڭ ئادەممۇ قىلالمايدىغان خاسىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمىسا

107

بەت 116

سا خۇددى چۈشتەك، شامالدەك مەنسىز ھالدا ئۆمۈر گۈلىنى خازان بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆلۈم ھەققىدە مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلغان.

ئۇ ئالدى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەرلىكى، ھاياتنىڭ قىسقىلىقى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك پۇرسەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چۈشەنچىگە ئىگە قىلىنغان. بۇ خىل چۈشەنچە ئۇنى ئۆمرىنىڭ ھەربىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقىلىرىنى قەدىرلەشكە، ھاياتنىڭ ھەربىر مىنۇتلىرىنى مەنىلەر بىلەن بېزەشكە، ئۆمۈر كۆچىتىدىن ئەلگە شېرىن - شېكەر مېۋىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىشكە ئىشتىياق قىلىپ تۇرغان. ئۇ بۇ خىل ئەقىدىسىنى ئۆزىگە ھەرقاچان دەۋەتچى قىلغان ۋە ئەسەرلىرىنىڭ ھەربىر سەھىپىسىگە سىڭدۈرۈپ، ئەۋلادلارغىمۇ مىراس قالدۇرغان. «ھايات دېگەن شامالدەك ئۆتۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭغا ئامال يوق. ئۇنى پارا بېرىش بىلەنمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن، ئۆلۈمنى تونۇپ ئويغانغانلار يەنە: ئۆلۈم كەلگەندە ھېكىمنىڭ تىلى كېكەچلىنىپ، ئەقلىمۇ لال بولىدىكەن. بۇ ئۆلۈمنىڭ تىرنىقى نېمانچە ياماندۇر. مۇشتۇمنىڭ زەربىسى نېمىدېگەن زور! ئۆلۈم ھەشەمەتلىك سارايلارنىمۇ بۇزىدىكەن، جەم بولغانلارنى تېرىتىدىكەن. شۇڭا ئۇلار:

نېمە بار جاھاندا ئاڭا ھىيلە يوق، نېمە ھىيلە باردۇر، ئاڭا چارە يوق. پۈتۈن ئىشقا ھىيلە، ئۇسۇل - چارە بار، مەگەر بۇ ئۆلۈمگە، ئاڭا چارە يوق.

دېگەن.

ئۆلۈمگە ئالتۇن - كۈمۈش پايدا قىلمايدۇ. ئۇنى ئەقىل ۋە بىلىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈمنى دۇنيانىڭ مال - دۇنياسى توسۇپ قالالايدىغان بولسا، بەگلەرنىڭ بېگى ئالىپ ئەرتۇڭا

بەت 117

ئۆلمەس ئىدى. ئۆلۈم پەيتىدە ھېكىملەرگە ھېكىملەرمۇ كار قىلمىدى. ئالىملارغا بىلىممۇ ياردەم قىلالمىدى. ئەگەر تېۋىپلارنىڭ داۋاسى ئۆلۈمنى توسۇپ قالالايدىغان بولسا، تېۋىپلار مەڭگۈ ئۆلمىگەن بولاتتى. ئەگەر ئۆلۈم يۈز - خاتىر قىلىدىغان بولسا، ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ھايات قالسا بولمامتى؟! تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈش ئۈچۈن يارىتىلغان، تىرىك قالغانلاردىن قېنى كىم بار؟ بۇ دۇنيا دېگەن يولۇچى چۈشۈپ ئۆتىدىغان قونالغۇ.» ①

«ئادەم بالىسى كارۋانغا ئوخشايدۇ، مەنزىلدىن مەنزىلگە يۈرۈپ تۇرىدۇ. ئوغۇل ئاتا پۇشتىدىن ئانا قارنىغا تۆرەلگەندىن كېيىن، پەقەت توققۇز ئايلا ئانا قارنىدىن تىنچ جايغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن تۇغۇلۇپ ئات قويۇلغاندىن كېيىنلا، يولۇچى بولۇپ ۋاقىت ئېتىنى مىنىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ كۈندۈزى بىر قەدەم، كېچىسى بىر قەدەم مېڭىپ ئاخىر ئۆلۈمگە يېقىنلىشىدۇ. جاھان بىر قونالغۇ ئۆتەڭ، ئۇ ئۆتەڭدىن يۆتكەلسەڭ ئاخىرقى مەڭگۈلۈك ئۆتەڭگە بارىسەن. بۇ ئۆتەڭدە سېنى ئىككى يول كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ساڭا ئىككى يولدىن قايسىسى نېسىپ بولاركىن؟ ئىشىك ئوڭغا تارتسا كۈلىسەن، ئەگەر تەەتۈر كېلىپ قالسا ئېڭىراپ بېشىڭنى ئۇرۇسەن.» ②

ھايات ھەققىدە مۇنداق ئەقىدىگە ئىگە قىلىدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە، ھاياتلىق پۇرسىتىدىن قانداق پايدىلىنىش، ھاياتلىق كارۋىنىنى قايسى مەنزىلگە باشلىغاندا ئاخىر ئۇتۇقلۇق بولىدۇ، قايسى مەنزىلگە باشلىغاندا كۈلپەتلىك بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدىمۇ ئەڭ ئىلغار ئەقىدىگە ئىگە قىلىنغان: «بۇ دۇنيا بىر تېرىلغۇغا ئوخشاش. تىرىغان ئادەم تىرىكىلىك ئوتىغا ئېرىشىدۇ. يەرگە نېمە تېرىغان بولسا شۇنىلا ئالىدۇ. ئۆزۈڭنىلا ئويلاپ كىشىنىڭ

① «قۇتادغۇبىلىك» رومانلاشتۇرۇلغان نەسرى نۇسخىسىدىن، 68 - 69 - بەتلەر. ② «قۇتادغۇبىلىك» 1386 - 1392 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى.

109

بەت 118

قېنىڭنى تۆكمە، مېلىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالما، بۇ ئىككى گۇناھتىن جان ئېگراپ چىقىدۇ. سېخىيلىق يولىنى تۇت، بېخىل بولما، سېخىيلارنىڭ نامى مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ مېلى خۇددى تۇزلۇققا ئوخشاش، ئىچكەنسېرى تېخىمۇ ئۇسسىتىدۇ، ئېغىز نەم بولمايدۇ. بۇ دۇنيا خۇددى كۆلەڭگىگە ئوخشاش قوغلىساڭ قاچىدۇ، قاچساڭ قوغلايدۇ! دۇنيانىڭ ئىشى ئالداۋانغا ئوخشاش، تۇتاي دەپ قول سۇنساڭلا يوقىلىپ كېتىدۇ.» ①

ھايات ۋە ۋاقىت ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ ئۇلۇغ نېمەتلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق بىر چوڭقۇر مەنىلىك ھېكمەتنى قالدۇرغان: «ئىنسانلارغا بېرىلگەن تەن ساقلىق ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت ئىككى نېمەت بار، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەي، زىيان تارتىدۇ.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ھەقىقەتەن ۋاقىتنى ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ۋاقىت ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ ۋە يوقىتىۋېتەلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ھەرقانداق بىر مۆجىزە، زامان ۋە ماكانسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. بىراق، ۋاقىت ئۆزى بەخت يارىتالمايدۇ، ۋاقىتنىڭ نېمىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىش ۋاقىت ئىچىگە سىڭگەن ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. يەنە بىر تەرىپىمۇ باركى، ۋاقىت ھەرگىزمۇ ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە رىتىمى بويىچە چېكىسىز ھەرىكەت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. بۈگۈن ھەرگىزمۇ ئەتە تەكراارلانمىشى ئەمەس، ئۆمۈرنىڭ ھەقىقىي قەدرى - قىممىتىگە يەتكەن ئادەم ئۈچۈن ھاياتىنىڭ قانچىلىك بۈگۈن ۋە ئەتىلەردىن تەشكىل قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا پۇشايمان يېمەيدۇ.

① «قۇتادغۇبىلىك»، 1393 -، 1395 -، 1408 -، 1410 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى. 110

بەت 119

4. مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان ئەقىدىدىن چاقنىغان نۇر

بىز ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق بۇ ئۇلۇغ ئەسەر تۆت تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، شۇ تۆت لىنىيە بويىچە بايان قىلىنىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەسەر مۇكەممەل ھاكىمىيەت باشقۇرۇش دەستۇرى؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ ئەخلاق، پەزىلەت ئەينىكى؛ ئۈچىنچىدىن، مۇكەممەل ئەقىدە - ئېتىقادتىن تىكلەنگەن ئابىدە؛ تۆتىنچىدىن، بەخت ۋە بەختكە ئېرىشىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى دەلىللەنگەن قامۇس. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىسى ۋە خاراكتېرى مانا شۇ تۆت مۇھىم مەسىلىنى يورۇتۇش ئۈچۈن قويغان پىكىرلىرى ۋە چۈشەنچىلىرى داۋامىدا ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىدە پەزىلەت جەھەتتە زامانىسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ۋە تەقۋادارى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئالىملىق دەرىجىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن مەشھۇر تەقۋادار زات دەپ ئۇلۇغلانغان. بۇ پىكىرىمىزنى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بېشىغا يېزىلغان نامەلۇم ئاپتورلارنىڭ ئىلاۋىسىدىكى باھا تولۇق ئىسپاتلايدۇ: «بۇ كىتابنى يازغۇچى بالا - ساغۇندا تۇغۇلغان بىر تەقۋادار زاتتۇر.» ① نىزامى ئىلاۋىدە ئۇنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ:

54 كۆرەرسەن كىتابنى بۇ يازغان كىشى، ھۈنەرلىك ئەرەكەن، كىشىلەر بېشى.


① «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشرى، نەسرىي ئىلاۋە، 32 - 33 - بەتلەر.

بەت 120

55 بۇ تۈرلۈك پەزىلەت، ئەقىل ئاڭ بىلەن، ئۇ تۇرمۇش بېزەنگەن، يۈرۈرمىش كۈلە.

56 ئۇ توغرا، با ھۆرمەت بىر زاھىت ئېرۇر، بىلىملىك ۋە تەقۋا، ئېرىغ - پاك يۈرۈر.

57 تۈرۈقلۇق ماكانى «قۇز ئوردۇ» ئەھلى، تۈپ ئەسلى نەسەبتىن خەۋەرچى تىلى.

يۇقىرىقى بايانلاردىن روشەن بولۇپكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈچ جەھەتتە ئۆزىنى بېزىگەن: بىرى، ئەقىل؛ ئىككىنچىسى، بىلىم؛ ئۈچىنچىسى، پەزىلەت. يۇقىرىقى ئۈچى بىر گەۋدە بولۇپ، ئۇنى تەقۋادارلىق مۇقامىغا كۆتۈرگەن. تەقۋادار دېمەك، ئۇنىڭ دىنىي ئىلمىمۇ توشقان، دىنىي پەرزلىرىنىمۇ ئۇلۇغ ئادا قىلغان، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتقان، گۇناھلىق ئىشلاردىن يىراق بولغان پاك ئېتىقادلىق، پاكىز تەبىئەتلىك زات دېگەن بولىدۇ.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، يۈسۈپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا كىچىكىدىن تارتىپ دىنىي ئەقىدە بىلەن ئەنئەنىۋى مىللىي ئەخلاقنى بىر گەۋدە قىلىپ، ناھايىتى ئەتراپلىق پەزىلەت تەربىيەسى ئېلىپ بارغان.

5. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي غۇرۇر تەربىيەسى

مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆز دەۋر ئېتىبارى بىلەن يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ بىلەن تەربىيەلەنگەن مەدەنىيەت سەركەردىلىرى، ئۇلار دۆلەت ۋە مىللىي مەنىۋىيەت ئۈچۈن قاتتىق خىرىسقا ۋە تەھدىتكە يۈز تۇتقان چاغدا قەلەمدىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالى بىلەن جەڭگاھقا چۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە، مىللىي

بەت 121

مەدەنىيەتكە بولغان ساداقىتىنى نامايان قىلىپ، گۇمانت ۋەتەن ئوغۇللىرى قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچنى ئادا قىلدى.

ئۆز دەۋرىدە دىنىي ئەقىدە بىلەن مىللىي مەدەنىيەت، دىنىي ئەقىدە ئورتاقلىقى بىلەن سىياسىي مەيدان مەسىلىسى توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. سىياسىي گەۋدە بولغان دۆلەت ۋە ۋەتەن ئەقىدىسى بىلەن دىنىي ئورتاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، دىنىي ئەقىدە بىلەن مىللىي مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مۇھىم ۋەزىپە ئىدى. بىز بۇ خىل كۈرەشنىڭ ئىپادىلىرىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىكى روشەن خاھىشچانلىقتىن ئېنىق ھېس قىلالايمىز.

ئۇيغۇرلار 10- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلىپ بارلىققا كەلگەن ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن مىللىي مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شامان دىنى ۋە بوددا دىنى ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەدەنىيەت ئىدى. ئىسلام دىنى بۇ خىل مەدەنىيەت بىلەن ھەرگىز چىقىشالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە زور داۋالغۇش بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى دىنلارنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىسلاملاشقان مىللىي مەدەنىيەتكە ئۆزگەرتىشتەك ئۆتكۈنچى باسقۇچتا، ئۆرىپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزگىرىش ياسالدى. گەرچە بىر قىسىم ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى دىنىي ئېتىقادنىڭ زۆرۈرىيىتى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دىنىي ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىغا زورلۇق ئىشلىتىش يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. بولۇپمۇ تىل ۋە يېزىق مەدەنىيىتى

بەت 122

مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى سەزگۈر مەدەنىيەت ئامىلى ھېسابلىناتتى. ئەگەر بۇنىڭدا ئۆزگىرىش ياسىسا دۆلەتنىڭ كۆپچىلىك ئائىلىسى مەدەنىيەتسىز، ساۋاتسىز قېلىشى، مىللىي مەدەنىيەت گۇمران بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، قاراخانىيلاردا مىللىي مەدەنىيەتنى سۆيۈش، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئۆز دەۋرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغانىدى.

ئىسلام ئەقىدىسىدە مىللەت، ئىرقى، مىللىي مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ چەتكە قېقىلمايدۇ. ئىسلام دىنىدا «ۋەتەننى سۆيمەك ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتىدىغان تەشەببۇس بار. «قۇرئان كەرىم» دە دۇنيادىكى خەلقلەرنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن نۇرغۇن مىللەت ۋە خەلق قىلغانلىقى ئۇلارغا ئۆزىگە خاس تىل ئاتا قىلغانلىقى توغرىسىدا ھەم بېشارەتلەر بار. شۇڭا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا مىللىي مەدەنىيەتنى سۆيۈش توغرىسىدا كىچىكىدىن تارتىپ چوڭقۇر مىللىي مەدەنىيەت ئەقىدىسى سىڭدۈرۈلەتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى كەبى ئۆز باسالار كىچىكىدىن تارتىپ مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان چوڭقۇر ئەقىدە بىلەن تەربىيەلەنگەن. ئۇلار مىللىتىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلەتتى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئىلغارلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. مانا شۇنداق ئاڭ ئۇلاردا مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشتىن ئىبارەت مەنىۋى ئۇرۇش سېپىگە ئاتلىنىشقا ئىشتىراك قىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىش ئارقىلىق، ئانا تىلىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلغان بولسا، مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن تىلشۇناسلىققا دائىر مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ، مىللىي تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلىپ بەردى. يۈسۈپ

بەت 123

خاس ھاجىپ ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇ مۇھەببەتلىك قۇرلارنى تىزىدۇ:

6617 بۇ تۈركىي سۆزنى كۆردۈم ياۋايى كىيىك، ئۇنى ئاستا تۇتتۇم، ئۆگەتتىم ئارا.

6618 سىلاپ ئەركىلەتتىم، كۆڭۈل بەردى تېز، تېخى بەزى قورقۇپ، ھۈركۈپلا تۇرا.

6619 سۆز ئالدىم قولۇمغا چىققانچە مەن، كېلىۋەردى خۇش ھىد ئىپاردەك پۇرا.

يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئانا تىلغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتنى، ئاپتورنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئەركىلىشلىرىنى، ئانا تىل بىلەن يۈرىكىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىكى ھېسسىيات تۇنجۇقلىرىنى مارجاندەك مىسرالارغا تىزىۋاتقاندا ئانا تىلنىڭ بايلىقى، ئويناقلىقى، شوخلۇقىدىن سۆيۈنۈپ كېتىۋاتقان ئوتلۇق بىر ھېسسىياتنى كۆرگەندەك بولىمىز. ئانا تىل بىلەن ئىپادىلىيەلىگەن مەنىنى باشقا بىر تىل بىلەن ھەرگىزمۇ شۇنداق چوڭقۇرلۇقتا ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئانا تىل دېگەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇغا سىڭىپ، تەپەككۇرىدا مەۋج ئۇرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىنرەك ۋە ياكى زامانداش ياشىغان مەلۇم ئاپتور يۈسۈپنىڭ ئەسىرىنى تۈركىي تىل بىلەن يەنى ئۆز دەۋرىدىكى مەركىزى دىئالېكت بۇغراخان تىلى ياكى قەشقەر تىلى بىلەن يازغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمىدۇ. ئۇنىڭ مەلۇم روھىدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق بايانلارنى قىلىدۇ: «پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە، بۇغراخان تىلىدا تۈركىي

بەت 124

سۆز بىلەن (ھېچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غايەت گۈزەللىكى ۋە پەۋقۇلئاددە گۈزەللىكىدىن، ئۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى بىلەن ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەربىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەم بەردى.» ①

بۇ باھا ئەلۋەتتە بىر تەرەپتىن، ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ باى دۇردانىلىرى بىلەن پۈتۈلگەن مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىپتىخار تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى جەۋلانغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ مەنىۋى ئابىدە تىكلىگەنلىكىگە بولغان سۆيۈنۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىر ئادەمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئۆلچىمى ھەرگىزمۇ جەڭگاھتا قان كېچىپ ئۇرۇش قىلىش بىلەنلا ئىپادىلىنىدىغان پېرسوناژ ئەمەس، بەلكى ئۇ شۇ كىشىنىڭ ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، ۋەتەننىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان كۆيۈنۈش ھېسسىياتى، مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى، ۋەتەن خەلقىگە بولغان سۆيگۈ تورتكىسىدە قىلغان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ۋەتەننىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئادەم دۆلەت دۈشمەننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. دۆلەت نىسبىي تىنچلىق ھالەتتە تۇرغاندا ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىز «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ بەزى مەزمۇنلىرىدىن ئۆز دەۋرىدە يۈسۈپنىڭ ۋەتەننىڭ سىرتقى دۈشمەننىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بىراق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك يولىنى تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆ[Footer] ① «قۇتادغۇ بىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى نەشرى، تەپسىرىي بايان، 19 - 25 - مىسرالار. 116

بەت 125

ئول بۆلۈمگەنلىكىدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى كۆرىمىز: «مۇسۇلمانلار قارشىلىشىپ بىر - بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشمەكتە، ۋەتەن دۈشمەنلىرى ھۇزۇر - ھالاۋەت ئىچىدە يۈرۈشمەكتە. ۋەتەننىڭ بايلىقلىرى بولاندى، تالاندى، ھالال بىلەن ھارامنى پەرقلەندۈرگۈچىلەر قېنى؟» (6481 - 6488).

ھەرقانداق بىر بۈيۈك ئەسەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان ئىككى مۇھىم ئامىل بار. بىرى، ئۆز دەۋرىدىكى ئوبيېكتىپ شارائىت ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا دەۋرنىڭ شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن تارىخىي ۋەزىپە بىلەن شۇ تارىخىي زۆرۈرىيەتنى ھېس قىلىپ، ئۇنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىختىيار. يەنە بىرى، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ بىلەن مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىر بولمىسا، تارىخىي زۆرۈرىيەت زۆرۈرىيەت پېتى قېلىۋېرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ياشاپ تۇرغان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، يۈزلىنىشىنى، كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەتەننىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە تۇتقان ئورنىنى، ھەربىر قاتلاملاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوققۇر كۆزەتكەن، شۇنداقلا دەۋرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئەقىللىق ھېس قىلغان. ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە خەلقىنى قىزغىن سۆيگەن ئادەم ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ سۆيىدۇ، ۋەتەن، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى مۇقەددەس بىلىدۇ. يۈسۈپ ۋەتەننى ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ۋەتەننى ئۈچۈن ياشىغان، ۋەتەننىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەن.

6106 سېخىيلىق ئەسەستۇر، تارقاتماق كۈمۈش، سېخىيلىق — خەلققە جانىيدا بولۇش.

117

بەت 126

بۇ ئۇنىڭ يۈرەك قېتىدىن چىقىۋاتقان قەسىمى ئىدى. ئۇ مانا شۇنداق ئۇلۇغۋار روھ بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ھاياتىدا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلمىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىقالىغان ھەم ئۇ بىلىمنى ۋەتەن، خەلقنىڭ جانجان مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلىگەن.

بەت 127

تۆتىنچى باب: پەرزەنت تەربىيىلەش ئىقتىدارى ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىپى

1. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلەش تەلىپى

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنت مۇناسىۋىتىدەك يېقىن مېھىر - مۇھەببەت بولمايدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بەرگەن مېھىر - مۇھەببەتنى باشقا ھەرقانداق ئادەم بېرەلمەيدۇ. پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپلا ئاتا - ئانىلار پەرزەنت ئۈچۈنلا ياشاشقا باشلايدۇ، كۆزى پەرزەنت سەۋەبلىك كۆرىدۇ، يۈرىكى پەرزەنت ئۈچۈن سوقىدۇ. پۈتۈن ئارزۇ - ئارمانلىرى پەرزەنت ئۈچۈن بولىدۇ. پەرزەنتىگە يېمەك يېگۈزىدۇ، كىيىم كىيگۈزىدۇ. غىزاسى پەرزەنت غېمىنى يېيىش بولىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەتنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

1164 ئوغۇل - قىز غىمى بۇ - تۈگى يوق دېڭىز، ئوغۇل - قىز غىمىدىن سارغىايدى مېڭىز.

1165 كىشىنىڭ بولسا ئوغلى - قىزى، خوتۇنى، نېچۈك كۆرگەي ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇنى.

بەت 128

چۈنكى پەرزەنتلەرنىڭ غېمىنى يېمەسلىك ئاتا - ئانىلارنى كۆتۈرگۈسىز غەم-ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ. بىر پەرزەنتنى ياراملىق تەربىيىلەپ جەمئىيەتكە چىقارغان ئاتا - ئانا بۇ دۇنيادىن رازى بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر پەرزەنت يارامسىز، كېرەكسىز چىقىپ قالسا، ئۇلارنىڭ كۆزى ئۇچۇق كېتىدۇ. ياخشى تەربىيە كۆرگەن پەرزەنت ئۆزىنىمۇ بەختلىك قىلالايدۇ، ئاتا - ئانىسىنىمۇ شادلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇ ئالەمدىن كەتكەندىن كېيىنمۇ نام - ئاتىقى بولغانمايدۇ. ئەگەر پەرزەنت يارامسىز بولۇپ قالسا، ئۇ ئۆزىگىمۇ ياخشىلىق قىلالمايدۇ، ئاتا - ئانىسىنى بۇ دۇنيادىمۇ قايغۇ-ھەسرەتكە قاقشاتسا، ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ئۇلارغا ئاراملىق بەرمەيدۇ. بۇ دۇنيادىمۇ ئۇلارنىڭ نام - شۆھرىتى بۇلغىنىدۇ، ئەل ئىچىدىمۇ ئاپەت بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنت غېمى ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن تۈگى يوق دېڭىز. گەرچە قىز - ئوغۇل ئاتا - ئانىنىڭ كۆزىگە روشەنلىك بېغىشلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۈمىد شامىنى ياندۇرسىمۇ، لېكىن پەرزەنت غېمىدىن ئۇلارنىڭ مەڭزى سارغىيىدۇ. ئاتا - ئانا بولۇش بۇ دۇنيادىكى بىر بەخت، لېكىن ئۇلارنىڭ يۈكىنى كۆتۈرمەك ھەقىقەتەن مۇشكۈل. ئائىلە دېگەن مانا شۇنداق شادلىق بىلەن غەم - قايغۇ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئارامگاھ.

ئاتا - ئانىلار بۇ دۇنيا ھەم ئۇ ئالەمدە خاتىرجەملىككە ئېرىشمەي دەيدىكەن، خاتىرجەمسىزلىك ۋە تىنىمسىزلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ياراملىق تەربىيىلەشنىڭ غېمىنى قىلىشى كېرەك. پەرزەنتلىرى ئۈچۈن غەم يېمەسلىك مەڭگۈلۈك كۈلپەتكە سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزۈن ئەسىرلىك تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ غېمىنى تۈگىتىش ئۈچۈن چوڭقۇر باش قاتۇرغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پەرزەنت تەربىيىسىدە قەتئىي ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپال تەلەپلەرنىڭ بىرى، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلەش

بەت 129

پرىنسىپىدىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:

4504 تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز - ئوغۇل، ئاتا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.

بۇ نۇرغۇن تەجرىبە - ساۋاقلار ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈن. پەرزەنت ئۈچۈن ئەڭ كۆيۈملۈك، جان كۆيەر ئىنسان ئاتا بىلەن ئانا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. ئاتا - ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتى بالىنىڭ قەلبىدىمۇ مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە سۆيگۈنى ئويغىتىدۇ. ئانا باغرىنى بوقۇلدۇتۇپ ئېمىۋاتقان بالا ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى قەلب ھېسلىرى ئارقىلىق سېزىپ ئېنتىلاپ كۈلىدۇ؛ ئانىنىڭ چېھرىدە چاقنىغان جىلۋە پەرزەنتلىرىنىڭ روھىغا ساغلاملىق ئاتا قىلىدۇ؛ ئانا بىلەن بالىنىڭ ئورتاق كۈلكىسى زېمىنغا جان بېغىشلايدۇ، ئانا بىلەن بالا شادلانسا زېمىن كۈلىدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانا ئۆزىنىڭ ناياپلىقى ۋە يارماسلىقى بىلەن پەرزەنتىنىڭ كۆزىدىن ئاققۇزغان ھەربىر تامچە ياش ئۈچۈن، ئاتا - ئانا كۆزىدىن قان ئېقىش بىلەن بەدەل تۆلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئاقىۋەتنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «ئۆلەرسەن پۇشايماندا سەن ئاغرىماي» دەپ خۇلاسىلىگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەكىتلىگەن: «پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىچىسى ئۆزۈڭ بول» دېگەن دەۋەت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى جەريانىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياخشى ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى. ئاتىلار كۆپىنچە سىرتنىڭ ئىشلىرى بىلەن، سودا-سېتىق، جەڭ ئىشلىرى بىلەن بولسا، ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بولۇپمۇ ئەڭ قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەۋملەرگە نىسبەتەن ئانىلار يالغۇز ئائىلە ئايالى بولۇش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار نۆۋىتى كەلگەندە ئۇرۇشلارغا قاتنىشاتتى.

121

بەت 130

شۇڭا ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ قەھرىمانلىق، مەردلىك خىسلەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن. مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى جاسارەتنى سۈپەتلەپ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: «قىز بىلەن چېلىشما، تۇغۇلغان بايتال بىلەن چېپىشما.» بۇ ماقالنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى توغرىسىدا: «خاقانىيە قىزلىرىدىن بىرى نىكاھ كېچىسى سۇلتان مەسئۇدنى تېپىپ يىقىتتى. ئۆتەكىلىكى ئۈچۈن خاقانىيىلىكلەر ئارىسىدا سۇلتان مەسئۇد توغرۇلۇق چىقىرىلغان بىر ماقال» دېيىلگەن. خاقانىيە قىزلىرى دېگەن كېلىك مەنىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان مەركىزىي تۈركنىڭ قىزلىرىنى كۆرسەتسە، تار مەنىدە قەشقەر قىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خاقانىيە قىزلىرى دېمەك ئۇيغۇر قىزلىرى دېمەكتۇر. بىز بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاجايىپ جاسارەت ۋە ئەركلىككە خاس خاراكتېرىنى كۆرەلەيمىز. بىز تارىختا مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇنلىغان باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ، سەرگەردانلارنىڭ، ئالىملارنىڭ ئانىلىرىنىڭ تولىمۇ ئوقۇمۇشلۇق، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن، جاسارەتلىك ئاياللاردىن بولغانلىقىنى بىلىمىز. ئوغۇزخاننىڭ دادىسى ئاي خاقان ئوغۇز خاقاننى ئاشۇنداق دەۋر بۆلگۈچ تارىخ يارىتالايدىغان ئۇلۇغ خاقان قىلىپ تەربىيەلەپ چىققان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ شۇنچە تەبىئەتلىك، غۇرۇرلۇق، جاسارەتلىك، ئەقىلمۇ، قەلەممۇ كامالەتلىك يېتىلگەن، يىراقنى كۆرەر ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەم شۇنچە ئىستېداتلىق، پەزىلەتلىك، سىياسىي سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، پىداكار، قاراخانىيلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان سىياسىيۇن بولۇپ چىقىشىدەك ئۇلۇغ خاراكتېرلىك ئىنسانلارنىڭ يېتىلىشىدە، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بالىلىرىنى بالا باققۇچىلارغا تاشلاپ بەرمەي، ئۆز قولى بىلەن پەلەپ قاتارغا قوشقانلىقىدىن بولغان دەپ قارايمىز.

بىز يەنە بىر نۇقتىدىن چىقىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى. نېمە

بەت 131

ئۈچۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا زور تۆھپىلەرنى ياراتقان گىگانت ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى تەبىقە ئائىلىلەردىن چىقتى؟ تۆۋەن تەبىقە ئائىلىلەردىن مەشھۇر كىشىلەر ئاز چىقتى. بۇنىڭدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شەرت - شارائىت پەرقىدىن باشقا، يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، يۇقىرى تەبىقىدىن چىققان ئائىلىلەر مۇنتىزىم تەربىيە پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، ئۇلار ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ بىلەن تەربىيەلەنگەنچە، ئۇلار بالىلىرىنىمۇ شۇنداق قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەربىيەلىگەن. شۇڭا ئۇنداق ئوقۇمۇشلۇق، نەزەر دائىرىسى كەڭ ئائىلىلەرنىڭ قولىدىن تەربىيەلىنىپ چىققان پەرزەنتلەر شۇنداق پاراسەتلىك ۋە قابىلىيەتلىك بولۇپ يېتىلگەن. بۇ يەردە شەكىللەنگەن پەرق ھەرگىزمۇ يۇقىرى تەبىقىنىڭ بالىلىرى ئەقىل - پاراسەتلىك، تۆۋەن تەبىقىنىڭ بالىلىرى ئەقلى تۆۋەن تۇغۇلغانلىقىدىن ئەمەس. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق بولۇشى ئۈچۈن ئانىلار ۋە ئاتىلار ياراملىق بولۇشلىرى كېرەك. يارامسىز ئاتا - ئانىدىن ھەرگىزمۇ ياراملىق ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئاچچىق ئۈرۈك بەرىبىر ئاچچىق ئۈرۈك بېرىدۇ - دە. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ خوتۇنلۇققا ئايال تاللىغاندا ئېگىز توقۇرغا ئېسىلماي، گۈزەلنى تاللىماي، بەلكى ياخشى تەربىيە كۆرگەن، پەزىلەتلىك، تەقۋادار خوتۇنلارنى تاللاشىڭ لازىملىقىنى كۆرسەتتى: «ئۆيلەنگۈچىلەرگە مېنىڭ تەۋسىيەم شۇكى، ھەي باي خوتۇنغا ھەۋەسمەن ئوغۇل، ئاگاھ بولغىنكى، خوتۇننىڭ قولى بولۇپ قالمىغايسەن؛ ھەي گۈزەل جامالغا ھەۋەسمەن ئوغۇل، بەك گۈزەل خوتۇننى قوغلاشما، ئۇ سېنى كىشىلەرنىڭ مەسخىرە، كۈلكىسىگە قويمىسۇن. ئەي ئەسلى نەسەب، ئالىي ئۇرۇقنى قوغلاشقۇچى ئەر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈڭنى خار قىلما. ھەي نازۇك، تەقۋادار، پەزىلەتلىك خوتۇنغا كۆڭۈل باغلىغان ئوغۇل، ئۇنداق خوتۇنغا ئېرىشسەڭ يۇقىرىقى تۆت نەرسىگە تولۇق ئېرىشكەن بولىسەن. ئەگەر

123

بەت 132

ئۇنداق خوتۇنغا ئۇچراپ قالساڭ، ھەرگىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويما. بايمۇ بولاي دېسەڭمۇ شۇنداق خوتۇن بىر بايلىق، پەزىلىتى ياخشى بولسىلا گۈزەللىك دېگەن شۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك گۈزەللىك ئەخلاق - پەزىلەتتۇر. بىلىملىك كىشىلەرلا بۇنى ھېس قىلالايدۇ. پەزىلەتلىك خوتۇنغا ئۇچرىشالساڭ ھەممە شەرتىڭ ھازىرلىنىدۇ، ئۇنداق ئايالنى ھەرگىز قولدىن چىقىرىپ قويما». ① يۇقىرىدا قىلىنغان دەۋەتلەر رېئال تۇرمۇش قايتا - قايتا ئىسپاتلىغان ھەقىقەتلەر بولۇپ، ئۇ ئائىلىنىڭ بەختى ھەم پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك.

جەمئىيىتىمىزدە ھازىر پەرزەنت تەربىيەلەش مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئەھۋال، يەنى بالا تەربىيەلەشتىكى ئاجىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك ساقلىنىۋاتىدۇ. بىرى، بەزى ئاتا - ئانىلاردا پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرىغا نىسبەتەن ئاساسەن چۈشەنچە يوق، ئۇلاردا بالىلىرىم ياراملىق بولسۇن، دېگەن بىر ئۈمىد بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ياراملىق تەربىيەلىگۈدەك ئىقتىدار يوق. چۈنكى ئۇلارمۇ ئاتا - ئانىسىدىن مۇنتىزىم، ياخشى تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىغان. يەنە بىرى، بەزى ئاتا - ئانىلار ياخشى تەلىم - تەربىيە پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئالىي مەلۇماتلىق بولغان بولسىمۇ، ئۇلاردا مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ. خىزمەت بېسىمى، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىكى، قاتار - قاتار چايلار، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان باردى - كەلدى مېھماندارچىلىق، ئويۇن - تاماشىدىن قىيالماسلىق، پەرزەنت تەربىيەلەش جەھەتتە تەجرىبە بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىلىرىنى ئۆزى باقماي ئاتا - ئانىسىنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بېرىدىغان، بالا باققۇچى ياللاپ شۇلارغا بالا باقتۇرىدىغان ئەھۋاللار ئومۇملىشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ مېھىر -

① «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ رومانلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. 124

بەت 133

مۇھەببەتكە قانماي، ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈشىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغاچقا ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە خاراكتېرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى زور بوشلۇقلار كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بالىنى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلىشىنىڭ مۇھىملىقى ھازىرقى زامان غەرب ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كېسكىنلىك بىلەن دەۋەت قىلىنغان. دەسلەپكى تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىپ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن كارل ۋىتتېر گېرمانىيىلىك داڭلىق تالانت ئىگىسى، ئۇ توققۇز ياشلاردىلا بىر قانچە چەت ئەل تىلىنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ خىل تەبىئىي پەن بىلىملىرىگىمۇ پۇختا ئىدى. ئۇ، توققۇز يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن. 14 يېشىدا پەلسەپە ئىلمى بويىچە، 16 يېشىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق مۇنداق نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشى ئۇنىڭ تۇغما تالانتلىق بولغانلىقىدىن ئەمەس. چۈنكى، كارل تۇغۇلغان چاغدا تۇغما دېۋەڭ دەپ قارالغان. ئۇنىڭ مۇنداق شۆھرەت قازىنىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر قۇللۇق تەربىيىلىگەنلىكىدىن بولغان. ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئۇ بالىغا شۇنداق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلمىغان بولسا، كارل دېۋەڭ بولۇپ قېلىۋەرگەن بولاتتى. سېتىنا خانىمنىڭ تۆۋەندىكى يەكۈنىمۇ بۇ پىكىرىمىزنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك: ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق كۆپ ساندىكى ئانىلار بالىسىنى بالا باققۇچىسىغا تاشلاپ قويىدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئانىلارنى ئانا ھېسابلانمايدۇ دەپ قارايمەن، ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى يالغۇز بالىنى دۇنياغا كەلتۈرۈشلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيىلەش، ئانا بولغۇچى بالىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەربىيىلىشىگە تاشلاپ قويماسلىقى، بەلكى چوقۇم ئۆزى بىر قۇللۇق تەربىيىلىشى كېرەك. پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرەنتىنى باشقىلارنىڭ تەربىيىلىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ. ھايۋانلار قەتئىي مۇنداق قىلمايدۇ. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدى[Footer] 125

بەت 134

كى سەۋەب شۇكى «رەزىللىك ئانىلار پەرەزەنتىنى تەربىيىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان». ① يۇقىرىقى ھەقىقەتنى غەربلىكلەر ئەمدى بىلىپ چۈشەنگەن بولسا، ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئىلمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ بولغان.

ئانىلارنىڭ ساپاسى مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مۇساپىسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، قاراخانىيلار سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، جاھالەتلىك ئوتتۇرا ئەسىردىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان 800 يىللىق ئاپەتلىك دەۋىرلەردە مىللەت ئىچىدە تۇغۇلغان ھەددىدىن ئارتۇق خۇراپاتلىق، فېئوداللىق تەقىب، ئىقتىسادىي نامراتلىق، مائارىپتىكى قالاقلىق ۋە ئاجىزلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئانىلىرى ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىندى. بۇنداق ئەسلىي ماھىيەتتىن ياتلاشقان خۇراپاتلىق ۋە تەقىب مىللەتنىڭ ئانىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللەتنى ساۋاتسىز، نادان قويۇشتەك پاجىئەلىك تەقدىرگە دۇچار قىلغان ئىدى. نەتىجىدە بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان جاھالەت كېچىسىدە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم زىيالىيلارنى ۋە يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان بالىلار دېگۈدەك تەربىيىسىز قالدى. تەربىيە پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بالىلارمۇ خاتا تەلىم-تەربىيەنىڭ قۇربانى بولدى. نەتىجىدە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك ياراملىق پەرەزەنتلەر تەربىيىلىنىپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن مىللەت خارلىق، زەبۇنلۇق، خورلۇق، ھاقارەتكە سۈكۈت قىلىش، ئازغۇنلۇق دەشتىدە تېنەپ-تەمتىرەش بىلەن خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە چۈشۈپ قالغان. ئۇلاردا ھەتتا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسانىي ئاڭ، قىممەت ئېڭى، باشقۇرۇش ئېڭى دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.

126

بەت 135

تەمەخورلۇق، قولچىلىق، قارغۇ تەقدىرچىلىك، شۈكۈر - قانائەتنىڭ قۇچاقلىرىغا رەھىمسىزلەرچە تاشلاپ قويۇلغانىدى. ئۇلار دۇنيانى ئۇنتۇپ كەتكەن، دۇنيامۇ ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. «بىزنى ئۇنتۇغان قەۋمنى بىزمۇ ئۇنتۇيمىز» دېگەندەك، بۇ قەۋمنى ئاللامۇ ئۇنتۇپ كەتكەن بۇ قەۋمنى ئىدى. شۇنداق قىلىپ 800 يىللىق جاھالەت ئىسكەنجىسىگە بەند قىلىنغان بۇ مىللەت ئىزچىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈلۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. جۇل-جۇل، خاراب، روھى ئۆلگەن «قۇرۇق قاقشال بولۇپ قالدۇق، ئوتۇنچى ئاپىرىپ ساتسۇن» دېگەندەك موردىگەرچىلىك ئاران-ئاران كۆتۈرۈپ 20-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان. بىز بۇلارنىڭ روھسىز گەۋدىسىنى چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى ئۆز دەۋرىدە تارتقان خېلى كۆپ فوتو سۈرەتلەردىن تېخىمۇ ئوچۇق ھېس قىلىمىز. مانا بۇ تەلىم-تەربىيىدىن مەھرۇم قالغان خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىر-قىسمەتلىرى ئىدى. بۇنداق تەربىيىسىز قېلىشنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تىرىك ئۆلۈك» دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن:

156 بىلىم مەنبەسىن بىل، بىلىم نېمە دە، بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەي.

157 بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر.

دېمەك، بىلىمسىز، نادان قالغان، نادان، ئىقتىدارسىز ئاتا-ئانىلار تەربىيىلىگەن بالىلار، بالا باققۇچىلار باققان بالىلار روھى زەئىپ، تىرىك ئۆلۈك بولۇپ قالىدۇ. تىرىك ئۆلۈك بالىلاردىن نېمىنىمۇ كۈتكىلى بولسۇن. بۇنداق كېسەلنىڭ داۋاسى، بىرى، ئاتا-ئانىلارنى مۇنتىزىم تەربىيىگە ئىگە قىلىش، يەنە بىرى،

بەت 136

بالىلارنى توغرا يۆنىلىش بىلەن بىلىملىك، قابىلىيەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش.

ئومۇمەن ئالغاندا، پەرزەنتلەرنى بىلىمسىز، نادان، گۆدەكلەرنىڭ تەربىيىسىگە تاشلاپ قويۇش بىلەن، بىلىمسىز، نادان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش. ئىقتىدارسىز، يارامسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدىن بالىنى بۇزۇشتىن، ئەقىللىق بالىنى دۆت قىلىشتىن، ياراملىق، ئىستىقباللىق بالىلارنى يارامسىز قىلىپ، ئىستىقبالىدىن مەھرۇم قىلىشتىن باشقا نەرسە كەلمەيدۇ.

2. پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلار ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلىشىنىڭ بەزى شەرتلىرى

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرمەي ئۆز قولى بىلەن بېقىش بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە بەزى شەرت-شارائىتلارنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىغانلىقى سەۋەبلىك ھەل قىلىش مۇمكىن بولغان بەزى شەرتلەرمۇ ئورۇنلانماي، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى، بالىلىق تەلەپلىرى قاندۇرۇلمايۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە بەزى مەسىلىلەر قىلىنىۋاتقان ئىشلار ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنى گۇناھكار ھېسابلىساق بولىدۇ.

بىرىنچى، ئانىلار بالىلارنى ئانا سۈتىدىن ئۈزۈۋېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماقتا. 11-ئەسىرلەردىلا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەزى زۆرۈرىيەتلەرنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ، ئەگەر ئانىنىڭ بالىنى بېقىش ئىقتىدارى بولمىسا ناھايىتى ئېھتىياتچان، ئوقۇمۇشلۇق، تەجرىبىلىك، كۆيۈمچان ئاياللارنى تاللاپ ئېنىقلاش قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

بەت 137

4505 ئېرىغ ياخشىنى ئال ئېنىكە قىلىپ، ئوغۇل - قىز ئۆسەر پاك ۋە ساغلام بولۇپ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوغۇل - قىزلارنىڭ پاك، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ بىر شەرتى سۈپىتىدە ئېنىكئانا بولغۇچى ئېرىغ، ساغلام، ياخشى خۇلقلۇق بولۇشنىڭ كېرەكلىكى شەرتىنى قويغان. قەدىمكى زامانلاردا شاھلارنىڭ ئاياللىرى بەگزادىلەرنى ئېنىكئانىنى ئېمىش ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئادەت بار ئىدى. ئۇيغۇرلاردا «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي ئۆلگەندە چىقىدۇ» دېگەن ئەقىدە بولغاچقا، ئېنىكئانا تاللاشتا پاكلىق، تەقۋادارلىق ۋە ياخشى خۇيلۇق بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. چۈنكى ئۇلار سۈت ئارقىلىق ئېنىكئانىنىڭ خۇي - پېئىلى بالىغا ئۆتۈيدۇ دەپ قارايتتى. مەن بۇ خۇسۇستا مۇنداق بىر مىسالنى ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ.

«ھۈسەيىن مىرزىنىڭ بىر تۇلپارى بار ئىكەن، پادىشاھ ئۇنىڭغا يەرۇ كۆككە ئىشەنگەندەك ئىشىنىدىكەن. ئۇ، تۇلپارىغا پەقەت ئوۋغا چىققان، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان چاغلىرىدىلا مىنىدىكەن.

كۈنلەردىن بىر كۈنى شىكاردىن قايتقان پادىشاھ ئارغىمىقىدىن رازى بولۇپ ئەلىشىر ناۋائىيغا ماختىنىپتۇ:

— ئالەمدە بىزنىڭ ئارغىماقتەك ئۇچقۇر ئات بولمىسا كېرەك؟ بۇ تۇلپارنىڭ قايسى نەسلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟

— سىيىر نەسلىدىن، تەقسىر، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەلىشىر ناۋائىي.

— نېمە بالا، كاللىڭىز جايدىمۇ، شۇنداق تۇلپار سىيىرغا ئوخشامدىكەن؟ قايسى زاماندا سىيىر نەسلىدىن ئات تۇغۇلۇپتىكەن، ئەي ۋەزىر نادان، — دەپتۇ جەھلى قاتقان پادىشاھ.

ئەلىشىر ناۋائىي قىلچە پەرۋا قىلماي:

— تەقسىر، ئاخىرىنى دېگۈچە سەۋر قىلىڭ، مەسىلە تېخى تېگىگىچە ئېچىلغىنى يوق. سىيىر نەسلىدىن تۇلپار تۇغۇلامدۇ،

بەت 138

يوقمۇ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئاتنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئات باقارىڭىزنى چاقىرتسىڭىز، — دەپتۇ. ھۈسەيىن مىرزا شۇ زامانلا بۇيرۇق بىلەن ئات باقارنى كەلتۈرۈپتۇ. — بۇ تۇلپارنىڭ نەسلى ساپمۇ؟ — دەپ سوراپتۇ ئات باقاردىن. — ئالەم پاناھ، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىڭىز، مەن بىر كەمتەر ئادەممەن، غەزەپلىنىپ كېتىپ، بالا چاقامنىڭ ئوۋالغا قالمايلا، خۇدا خەيرىگىزنى بەرسۇن، ھىممىتىڭىزنى ئايىماڭ، سىزگە بىر گەپنى دەپ بېرەي، — دەپ يالۋۇرۇپتۇ ئات باقار. — خۇپ كېچتىم، ئېيتىۋەر، — دەپتۇ ھۈسەيىن مىرزا. — تۇلپارىڭىزنىڭ نەسلى سىيىرنىڭ نەسلىدىن، تەقسىر، — دەپ گەپ باشلاپتۇ، ئات باقار — بايتاللىرىڭىزدىن بىرى مۇشۇ قۇلۇننى تۇغدى دە، ئۆمرى قىسقا ئىكەن، ئۆلۈپ قالدى. قانداق قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم. شۇ كۈنى ئېغىلدا بىر نەسلىلىك سىيىرمۇ تۇغقان ئىدى. بىچارە قۇلۇنغا رەھمىم كېلىپ، شۇ سىيىرنى ئەمۈردۈم. بۇ تۇلپارنىڭ ئېنىكئانىسى ئەسلى شۇ سىيىر، تەقسىر. پادىشاھ ئەجەبلەنگەنلىكىدىن ھاڭ تاڭ بولۇپ، ياقىسىنى تۇتۇپ قاپتۇ ۋە ئەلىشىر ناۋائىيدىن سوراپتۇ: — دوستۇم ئەلىشىر، بۇ سىرنى سىز نەدىن بىلىۋالدىڭىز؟ — تەقسىر، سىز بىلەن تۈنۈگۈن ئوۋغا چىققاندا، پالانى يەردىكى سۇدىن ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا قارىسام ئېتىڭىز كېچىكتىن ئۆتۈپلا خۇددى سىيىرلاردەك پۇتىنى كەينىگە قارىتىپ سىلكىتتى. مەن بۇنى شۇنىڭدىن قىياس قىلدىم، — دەپتۇ ئەلىشىر ناۋائىي. ①


① «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1991 - يىللىق سانىدىن.

130

بەت 139

ھادىسىدىن ماھىيەتنى كۆرۈۋېلىش دېگەن مانا شۇ. بىلىش كېرەككى، ئالەمدىكى نۇرغۇن ماھىيەت ھادىسە ئارقىلىق زاھىر بولىدۇ. چۈنكى، ماھىيەت كونكرېت شەيئىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. دۇنيادا يەككە - يېگانە ماھىيەت، يەككە - يېگانە ھادىسە يوق، ماھىيەتنىڭ كونكرېت ئاشكارىلىغۇچىسى — ھادىسە. يۇقىرىقى ھېكايىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھادىسە بىزگە ناھايىتى مۇھىم بىر ماھىيەتلىك باغلىنىشنى ھېس قىلدۇردى. نەسىلنى تارتىش يالغۇز قانداشلىق ئارقىلىقلا بولمايدۇ، بەلكى يۇۋاق ۋاقتىدا ئەمگەن سۈتمۇ قانداشلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە خېلى كۆپ ئاياللار بالىسى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇچى بىلەن بالىنى ئانا سۈتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ، كالا سۈتىدىن ئىنسىتۇت ئورنىدا پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىلمىي قانۇنىيەتكە چۈشمىگەن باھانىلىرى، بىمەنە پەتىۋالىرى بىلەن ئەمدى دۇنياغا تۆرۈلۈپ ئانىنىڭ سۈتىگە تەشنا بولۇۋاتقان ئۇ بالا ئۈچۈن ئەڭ لازىملىق بولغان ئانا سۈتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ھايۋان سۈتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىۋاتىدۇ. بىز بىلىمىدۇق ياكى خۇپسەنلىك قىلىۋاتامدۇق؟ ھايۋان دېگەن ھايۋان، ئادەم دېگەن ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە ئالىي تەبىئەت، ھايۋان سامان يەيدۇ، ئادەم بولسا ئاشلىق يەيدۇ. سامان يېگەن ئەقىلسىز مەخلۇقنىڭ سۈتى بىلەن ئىسىل غىزالارنى يەيدىغان ئەقىل - پاراسەتلىك ئادەمنىڭ سۈتى ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك زور پەرق بارلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېتەمدۇ؟ ئەقىل - پاراسەتلىك، ئالىي تەبىئەتلىك ئادەمنىڭ سۈتى بىلەن ئەقىلسىز مەخلۇقنىڭ سۈتى قانداق ئوخشىسۇن؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسىتۇت بولغان ئادەم ئېرىغ، پاك، تەقۋادار، ياخشى تەبىئەتلىك بولسۇن، دېگەن تەلەپنى قويۇۋاتىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئادەملا بولسا، تەربىيە كۆرمىگەن، پەزىلەتسىز، ناپاك ئايال بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، دېمەيۋاتىدۇ. ئۇنداق بولسا ھايۋاندىن قانداقمۇ پاكلىق، پەزىلەتلىك، ئەقىللىق بولۇش تەلەپىنى كۈتكىلى بولىدۇ.

131

بەت 140

ئىككىنچى، قەدىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئەقىدە، ئانا بالىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىش تەلەپتىن ئىبارەت. ئانىلارنىڭ ئولۇغلىنىشىنىڭ ئىككى مۇھىم ئاساسى بار. بىرى، ئۇلارنىڭ توققۇز ئاي توققۇز كۈن ئېغىر بوي بولۇپ بالىنى قورسىقىدا تەربىيىلىگەنلىكى ۋە تۇغۇتنىڭ ئاچچىق تولغىقىنى يەپ تۇغقانلىقى؛ يەنە بىرى، ئۇلار شىرىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئۆزىنىڭ باغرىدىن بالىسىغا ئابىھايات بەرگەنلىكى. شۇڭا ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتى ئاتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى بالا ئانىنىڭ قېنىنى يېمىرىپ چىقىدۇ ۋە ئانىنىڭ باغرىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئۆز سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق يېمەكلىك تولدۇرالمايدۇ. ئانا سۈتىنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى ناھايىتى ئۇڭاي، ئۇ بالىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئېھتىياجىنى ناھايىتى ياخشى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئانا سۈتىدە يەنە ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار مول بولۇپ، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئانا سۈتى مىكروبسىز، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، ئېمىتىش قولايلىق بولۇشتەك ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بۇلار بالىنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.

ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىشى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئانىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئانىلار تۇغۇتتىن كېيىن بالىسىنى ئىزچىل ئېمىتكەندە، ئانىنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىپ، بالا ھەمراھىنىڭ تېزىرەك ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىياتقۇنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى قانىشىنى ئازايتىپ، ئانىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. يەنە بىر پايدىسى شۇكى، ئانا سۈتىنى ئېمىتكەندە تۇخۇمنىڭ ئاجرىلىپ

بەت 141

چىقىشنى تورمۇزلاپ، ھەيزنىڭ قايتا كېلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەرەلسىز ھامىلدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھازىرقى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەمجەك راكى، توخۇمدان راكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بالا ئېمىتكەن ئانىلارغا قارىغاندا، بالا ئېمىتمىگەن ئانىلاردا يۇقىرى بولىدىكەن. بالا ئېمىتىش ئانىلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ رولى ناھايىتى يۇقىرى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلىشى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرىمۇ كۆردۇق. «قۇرئان كەرىم» دە ئانىلارغا بۇيرۇلغان مۇنداق ئايەت بار: «ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك» (سۈرە بەقەرە 233-ئايەت). يۇقىرىقى ئايەتتىن دەۋەت قىلىنغان مەزمۇن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، بالىلارنى ئانا سۈتىدىن مەھرۇم قىلماسلىق، يەنە بىرى، ئانىلار بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن بېقىش تەرەپدارىدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، بالا بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى ئېمىتىش، ئېمىش مۇناسىۋىتى پەقەت ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، تەمىنلىنىش مۇناسىۋىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ يەنە ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى چوققۇرلىتىدىغان مۇھىم ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى. بالىنى ئېمىتكەن ئانىلارنىڭ بالىغان مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن بالا ئېمىتمىگەن ئانىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە روشەن پەرق بولىدۇ. بالىلارنىڭمۇ ئانىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتى ئاشىدۇ. بۇ ئارقىلىق مېھرىبانلىق، مۇھەببەت ئارقىلىق مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىدۇر.

بەت 142

سېنى سېلىش مۇمكىن. ئەمدى ئانىلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئېمىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ھەققى يوق، سىلەردىكى شۇ كۆكرەك نېمە ئۈچۈن پەيدا بولغان، ئۇنى تومپايتىپ كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنمۇ. سىلەرگە ئاتا قىلىنغان كۆكرەك ھەم ئاياللىق گۈزەللىكىنىڭ بىر نامايەندىسى، ھەم ئاياللىق سۈپىتىنىڭ بەلگىسى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ بالىلارنىڭ ئىككى ياشقىچە ئوزۇق ئالىدىغان مۇقەددەس بۇلىقى. ئۇ، بۇلاق ئەنە شۇ بالىلار ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇ، بالا بوقۇلۇتۇپ ئېمىتواتقان ۋاقىتتىلا شۇنچىلىك ئۇلۇغۋار ۋە قىممەتلىك ھەم گۈزەل. ئەگەر ئۇ، بالىنى ئېمىتىش مەجبۇرىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنسا كېرەكسىز بىر بەز.

ئى ئانىلار، سىلەر ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىنىشىنىڭ، مۇقەددەسلىكىنىڭ سەۋەبى ئاق سۈتۈڭلار بىلەن بالىلىرىڭلارنىڭ بەختىنىڭ ئاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ رۇخسارىڭلارنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت خام تەمە بىلەن دۇنياغا ئەمدى كۆز ئاچقان ئوماق ئىزباستىنى ئۆز بەختىدىن مەھرۇم قىلىشنى راۋا كۆرگەن ۋاقىتلىاردا، رۇخسارىڭلارنىڭ پەقەت بىر مەزگىللىك ئۆتكۈنچى جىلۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بەرىبىر سولىشىدىغانلىقىنى يادىڭلاردىن چىقارماڭلارمۇ. ھەرقانچە ئوپات ئەگلىك بىلەن ئۆزۈڭلارنى پەردەز قىلغىنىڭلار بىلەن، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان قورايدەك بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى، تەبىئىي قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار نېمىسى. ئەگەر پەرزەنت يارامسىز، پاراسەتسىز يېتىلسە، سىلەرنى نەچچە ئون يىل بۇرۇن گۆرىستانلىققا ئاپىرىشقا يارايدۇ. پەرزەنت دېگەن مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ئەلنىڭ كەلگۈسىدىكى تايانچى، ئۇنىڭ ئەقلى، جىسمانىي قابىلىيىتىنى ساغلام ئۆستۈرۈش خەلقنىڭ سىلەرگە تاپشۇرغان ئامانىتى. بۇ مۇقەددەس ئامانەتكە خىيانەت

134

بەت 143

قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى. پەرەنتلەرنىڭ ئەقىلسىز، بىغەرەزلىك بالىسى بىلەن خەلققە ئاپەت بولۇشتىن ئىبارەت گۇناھىنى ئۆستۈرۈشلارغا ئېلىشنى خالامسىلەر. خەلقنىڭ ناخشىلىرىدىكى «ئانىلارنىڭ سۈت ھەققىنى ئادا قىلىش» دېگەن مەدھىيىلەر ئەمدى سىلەرگە مۇناسىپ كەلمەمدۇ. سىلەر پەرەنتلەرگە «ئەل ئۈچۈن ياشىمىساڭ، ھەقانىيەت يولىدا پىداكار بولمىساڭ ئېمىتكەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس» دېگەن ئۇلۇغ ئانىلىق نەسىھەتنى قىلىش ئىقتىدارىڭلاردىن ئۆزۈڭلارنى نېمە ئۈچۈن مەھرۇم قىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر بالىغا بېرىشكە تېگىشلىك ھەقنى بەرمىسەڭلار، ئۇ بالا سىلەرگە قەرزدار ئەمەس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەۋسىيىسىنىڭ يەنە بىر مەنىسى، ئەگەر زۆرۈرىيەت بالا باققۇچى تۇرغۇزۇشنى تەقەززا قىلسا، تەربىيىلىمەكچى، چوقۇم پاك، ئەخلاقلىق، ياخشى مىجەزلىك، كۆيۈمچان، تەجرىبىلىك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىر بالا باققۇچىلىققا ياللانغان نۇرغۇن قىزلار تېخى باشلانغۇچ ساۋاتىمۇ تولۇق چىقمىغان بالىلار. ئۇلار پەقەت بالىغا ھەمراھ بولۇش، يىغلاتماسلىققىلا يارايدۇ. بالىغا مەقسەتلىك، نىشانلىق، ئاڭلىق يوسۇندا بىر نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۆلمىنى ئېچىش قولىدىن كەلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆزىدە ناھايىتى ناچار، يامان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالغان بولۇپ، ئەخلاقىي پەزىلىتىمۇ ياخشى ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇ خىل يامان ئادەتلىرى كۆنسېرى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىدا نورمال بولمىغان كەيپىياتلارنىڭ، ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. مەن بىلىدىغان يېقىن توغقىنىمنىڭ ئوغلىنى گاراڭ، تۇتامى يوق، پاراسەتسىز بىر گۆدەك قىزغا باقتۇرغان ئىدى. ئۇ قىز پەقەت ئۇ بالىنىڭ يىغلىماسلىقىغىلا كاپالەتلىك قىلسىلا بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ھەر خىل يولسىز تەلەپلىرىنىمۇ ئورۇنلاپ بېرىدۇ. بالىنى قورقۇتىدۇ. ھەتتا بەزىدە بالىغا بېرىشكە بولمايدۇ دېگەن يېمەكلىكلەرنى بېرىپ

135

بەت 144

قويۇپ كېسەل قىلىپ قويىدۇ. ئۇ بالا شۇنداق بەغەرەز، ئاغزى يامان، قىلىقسىز، جاھىل، كاج مىجەز بولۇپ ئۆستىكى، ئاتا-ئانىسىنى نۇرغۇن سورۇنلاردا يەرگە قاراتتى. تىلىمۇ كېچىكىپ چىقتى، ئوقۇمۇمۇ تۆۋەن. يەنە بىر تۇغقاننىڭ بىر نەۋرىسى بار، ئۇ تولىمۇ ئىنچىكاراق، ئاجىز. ئەسلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى چوك كاپىتال دەپ قارىساق بولىدۇ. ئۇلار بالىسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرگەن، نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ بالا دېگەندەك ساغلام ئۆسمىدى. بالا باققۇچى ئۇ بالىنىڭ يېنىلىپ چۈشمەسلىكىگىلا مەسئۇل. ئۇلار بالىنىڭ بىرەر قېتىم يىقىلىپ كېتىشىگە پۇرسەتمۇ بەرمەيدۇ. بىر قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇ بالا قاتتىقراق يىقىلىپ چۈشكەن ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك شۇ ئائىلە بۇزۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى. بۇنى ئۇلار بالىغا ھەقىقىي كۆيۈنۈش دەپ بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن بۇنى ھەقىقىي مەنىدىكى كۆيۈنۈش دەپ قارىمايمەن. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارغا تازا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، شۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان پەرقنى ۋە ئۇ بالىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھېس قىلمايدۇ. ئادەتتە بالىلىق دەۋرىدە سېلىنغان ئادەتتىكى كىچىككىنە پەرققۇ كېيىنكى زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ئاساس بولىدۇ.

خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقىتقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. خىزمەت دېگەن سەككىز سائەت، بىر كۈن دېگەن 24 سائەت. 16 سائەت ۋاقىتنىڭ ئۈچ-تۆت سائىتىنى بالىلار بىلەن قەلب ئالماشتۇرۇش، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش، مەقسەتلىك، نىشانلىق ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش، ياخشى ئىشلارغا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلسىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ھېچبولمىغاندا ئائىلىدە ئۇرۇش-جېدەل قىلىپ، يامان گەپ سۆزلەرنى قىلىشىپ،

بەت 145

ياسىنىپ، تارىنىپ بالىغا يامان تەسىر بەرمەسلىكنىڭ ئۆزىمۇ مۇھىم ئەقەللىي تەلەپلەرنىڭ بىرى. بەزى ئاتا-ئانىلار مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى سىرتتا ئۆتىدۇ، بالىسى ئۇخلاپ قالغاندا قايتىدۇ، ئويغىنىش بۇرۇن ئىشقا كېتىدۇ. ئۆيىدە بولغان چاغلىرىدا تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ بەزى ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتىگە كۆرسىتىۋاتقان ئۈلگىلىرى. ئاخىرىدا ئۇلار بالىسىنىڭ يارامسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىدىن كۆرمەي، زاماندىن ۋە مۇئەللىملەردىن ئاغرىنىدۇ.

137

بەت 146

بەشىنچى باب: مېھرىبانلىق ئارقىلىق مېھرىبانلىقنى، ۋاپادارلىق ئارقىلىق ۋاپادارلىقنى يېتىلدۈرۈش

مېھرىبانلىق بىلەن ۋاپادارلىق ئادەمنىڭ مىجەز - خاراكتېرىنى سىنايدىغان مۇھىم پەزىلەت تەلەپلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپ پەرزەنتلىرىنىڭ مېھرىبانلىق ۋە ۋاپادارلىق تەربىيىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. كىشىلەر ئارىسىدا مېھرىبان، ۋاپادار ئادەملەر ساداقەتمەن، مەرد ئادەملەردۇر. مېھرسىز، ياۋۇز، ۋاپاسىز ئادەملەر ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ۋە ئەڭ پەسكىشىدۇر. شۇڭا كونايلار «ۋاپاسىز ئادەمدىن ۋاپادار ئىت ياخشى» دەپ بىكار ئېيتىشمىغان.

ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە قارىغاندىمۇ مېھرىبانلىق ۋە ۋاپادارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەملەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان ئائىلىلەر پەرزەنت تەربىيىسىدە بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرۇشقا تىرىشىپلا قالماي، بەلكى، ۋاپادارلىق ۋە مېھرىبانلىقنى، ئۆگىتىپ، ئىماننى مۇستەھكەملەشكە ھەممىدىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئىسلام ئەقىدىسىدە مېھرىبانلىق ئۇلۇغ سۈپەتلەرنىڭ بىرى. ئاللانىڭ ئىسىملىرى ئىچىدىكى «شەپقەتلىك، مېھرىبان» دېگەن ئىككى ئىسىم ئەڭ شەەرەپلىك ئىسىملاردۇر. چۈنكى بۇ ئىككى ئىسىم «ئاللا» دېگەن ئۇلۇغ نامدىن قالسىلا ئەڭ كاتتا ئىسىملار

بەت 147

(سۈپەتلەر) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولساق «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن مۇبارەك ھۆرمەت ۋە ئېلتىجا بىلەن باشلايمىز. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ شەپقىتىگە مۇھتاج، ئاللانىڭ شەپقىتى ۋە مېھرىبانلىقى سايىسىدا تىنچ، خاتىرجەم ياشىيالايدۇ. ئاللا ھەم پۈتۈن ئىنسانلارنى شەپقەتلىك، مېھرىبان بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ، ياۋۇز، رەھىمسىز بولۇشتىن قاتتىق چەكلەيدۇ. شۇنىڭمۇ ئىسلام ئەقىدىسىدە «شەپقەت قىلمايدىغان ئادەمگە ئاللامۇ شەپقەت قىلمايدۇ، ئۆزئارا بىر - بىرىگە مېھرىبان بولغان ئادەمگە ئاللامۇ مېھرىبان بولىدۇ» دېگەن قائىدىگە ئەمەل قىلىش بۇيرۇلغان.

ئىنسانىيەت تارىخىدا مېھرىبانلىقنى ئىنسانىي خىسلەتلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى دەپ قارىساق، ياۋۇزلۇقنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ بەتبەشىرە خۇلق دەپ قاراشقا بولىدۇ. دۇنيادا تۆكۈلگەن مىليون، مىليون بىگۇناھ قانلار مانا شۇ شەپقەتسىز ياۋۇز كىشىلەرنىڭ قىلىچىدىن تامدى، يەنە نۇرغۇن ياۋۇز جانلارنى تېنىدىن جۇدا قىلغان ئادالەت قىلىچلىرى شەپقەت ۋە مېھرىبانلىق نۇرىدىن يالتىرىدى. ئەگەر ئىنسانلار ئارىسىدا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت شۇلا بىر - بىرىگە نۇر بەرمەيدىغان بولسا، ئىنسانلار بىر - بىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يېگەن بولاتتى. مانا شۇ شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نېمەت خاسىيىتىدىن كىشىلەر ۋە بىر - بىرىگە مېھىر بىلەن باقىدىغان كۆز، بىر - بىرىدىن سۆيۈنىدىغان، ھاياجانلىنىدىغان، ئىچ ئاغرىتىدىغان قەلبنى ئاتا قىلغان. شەپقەت، مېھرىبانلىقتىن ئەسەر يوق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى تۆمۈر - تاشەككە، چالما - كېسەككە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى ئەسلى ئۇنىڭدا شۇنداق ھېسسىياتسىز، مېھرسىز، ياۋۇزلۇق ئەمەس بەلكى كۆيۈنۈش، ئىچ ئاغرىتىش، ياۋۇزلۇقتىن نەپرەتلىنىش، مېھرىبانلىقتىن سۆيۈنۈش ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر قەلبتۇر. چۈنكى ئۇ

139

بەت 148

ئادەم، مۇسۇلمان ئىچ ئاغرىتىش، مىسكىنلەرگە كۆيۈنۈش، ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇش، باشقىلارغا ناھەق ئازار بەرمەسلىك، ئۆزىنى دەپ باشقىلارنىڭ جېنىنى قاقشاتماسلىق، ئاجىزلارنىڭ جېنىنى قاقشىتىۋاتقان ياۋۇز كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتتە خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق، مېھىر-شەپقەتلىك مۇھىت ھازىرلىنىدۇ. بۇ خىل مېھرىبانلىق ئادەملەرنىڭ ئادەملەرگە بولغان مېھرىبانلىقى ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى بارلىق جان-جانىۋارلارغا، ھەتتا دۈشمەنلەرگىمۇ شەپقەت قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. تەبرانى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە: «بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان بولمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر» دېيىدى. ساھابىلەر: «بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مېھرىبان» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇ سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارنىڭ ئۆز ھەمراھلىرىغا بولغان مېھرىبانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمىي مېھرىبانلىقتۇر» دېدى. بۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن مەنە ھەمراھلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە شەپقەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى شەپقەت قىلىش لازىم بولغان بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارغا ئىمكانقەدەر مېھرىبانلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

ئۆز دەۋرىدە ئائىلىدىكى تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى شەپقەت بىلەن شەپقەتسىزلىك، مېھرىبانلىق بىلەن ياۋۇزلۇققا ھابىل بىلەن قابىلنىڭ، يۈسۈپ بىلەن ئۇنىڭ بىر تۇغقانلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تۇتقان مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ماھىيەتلىك پەرق ۋە بۇلارنىڭ ئاخىرەتلىك قىسمەتلىرىدىكى مۇكاپات ۋە جازالار ئارقىلىق مېھرىبانلىق ۋە ئىپادىلىق تەربىيىسى بېرىلەتتى. ئادەم ئوغلى ھابىل قابىل تەرىپىدىن قەبىھلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قابىلنى يەر يۇتۇدۇ ۋە مەڭگۈلۈك كۈلپەتكە قالىدۇ. ھابىل قېرىندىشى قابىلنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، ئىپادىلىگەن پوزىتسىيىسىدە «ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى

140

بەت 149

ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن. مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن. (سۈرە مائىدە 28 - ئايەت) دەيدۇ. بىرى يەنى قابىل ئاللانى ئۇنتۇدى. ئۇنىڭدىن شەپقەت ۋە مېھرىبانلىق كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ھابىل ئىماندا راستچىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللانىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولۇشتىن قورقۇپ، ئۆلۈشكە رازى بولدىكى، ئاپادارلىقنى، شەپقەتنى تەرك ئېتىشتىن ھايا قىلدى. نەتىجىدە ئاللانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتى.

ھايۋانلارغا قىلىنغان مېھرىبانلىقنىڭ خاسىيىتىدىن بىر پاھىشە ئايال جەننەتكە ئېرىشىپ، ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلىكى، بىر مۈشۈكنى باغلاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن رەھىمسىز ئايالغا دوزاخنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى مىسال ئىسلام دۇنياسىدا مەشھۇردۇر. شۇڭا، ئىسلام ئەقىدىسىدە ھايۋانلارغىمۇ مېھرىبانلىق قىلىش، كۆيۈنۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، ئۇسسۇز قويماسلىق، ئاچ قويماسلىق، ئېغىر يۈك ئارتىپ قويماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىنىدۇ. شۇڭا، كىچىك ئۆسمۈر بالىلارمۇ قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋېتىپ بالىنى ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپ ئانا قۇش بىلەن بالا قۇشقا ئوۋال قىلسا يامان بولىدۇ، دەپ ئۇلارغا چىقىلمايدۇ. تارىخىي خاتىرىلەردە قەيت قىلىنىشىچە: ئەمىر تۆمۈر ئاس مىسىرنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ چېدىرى ئۈستىگە بىر كەپتەر ئۇۋا سالغانىكەن، ئەمىر كۆچمەكچى بولغاندا ئۇۋىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئەگەر ئۇ چېدىرنى چۇۋۇسا ئۇۋىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ چېدىرنى چۇۋۇمىغان. كېيىنچە چېدىر ئەتراپىغا ئۆيلەر سېلىنىپ، بۇ يەر «چېدىر كەتتى» دەپ ئاتىلىپ مېھرىبانلىقنىڭ بىر سىمۋولى بولۇپ قالغان. ئۆز دەۋرىدىكى بەزى خەلىپىلەر جىددىي ھاجەت بولمىسا ئاتنى قاتتىق چاپتۇرۇپ، ئۇنى قىيناشنى مەنئى قىلغان. يەنە يول قاراوۇللىرىغا پەرمان چىقىرىپ، ئۇلاغلارغا ئېغىر يۈك ئارتىپ، تۆمۈر، ئۇچلۇق تاياقلارنى سانجىپ ھەيدەشكە يول قويۇلمىسۇن، تۆگىگە مىڭ رەتلى (454 كىلوگرام) يۈك ئارتىدىغان تۆگىچىلەر، بۇنىڭدىن كېيىن 600 رەتلى (274

141

بەت 150

كىلوگرام) دىن ئارتۇق مال ئارتىمىسۇن، دەپ ئەمىر قىلغان. مۇشۇنداق ھەر قاتلام، ھەر ساھە بويىچە مېھرىبانلىق ۋە شەپقەت تەشەببۇسلىرى ئىماننى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان. مېھرىبانلىقنىڭ كۈچىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىنسانلاردا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىغان، قەبىھلىككە، ياۋۇزلۇققا قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىدىغان يۈكسەك ئىرانى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. مېھرى يوق ئادەمدە ئادالەت، ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولمايدۇ، مېھرىبان ئادەم قەبىھ كۈچلەرنىڭ رەزىللىكى، شەپقەتسىزلىكىدىن غەزەپلىنىدۇ، ئاخىر مەسۇملارنىڭ زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنىدۇ ۋە ئۇلارنى زوراۋاننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شەپقەت، مەرھەمەت قىلىشنى ھايات ئېتىقادى دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئىمام غەززالى: «شەپقەتلىك، مېھرىبان» دېگەن ئۇلۇغ سۈپەتلەرگە ئېنىقلىما بەرگەندىن كېيىن مۇنداق مەزمۇندا گېپىنى خۇلاسىلىگەن: «بەندىنىڭ (شەپقەتلىك، مېھرىبان) دېگەن ئىككى ئىسىمدىن ئالىدىغان نېسىبىسى ئاللاھنىڭ غاپىل بەندىلىرىگە شەپقەت قىلىپ، ئۇلارنى غەپلەت يولىدىن سىلىق - سىپايىلىق بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىپ ئاللاھقا قايتۇرۇش، ئاسىيلارغا غەزەپ كۆزى بىلەن قارىماي، رەھمەت كۆزى بىلەن قاراش، ئالەمدە بولۇۋاتقان ھەم گۇناھنى ئۆزىنىڭ گۇناھىدەك كۆرۈپ، ئۇ گۇناھلارنى يوقىتىش يولىدا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىقلارنى ئايىماسلىق، ئاسىيلارنى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ كېتىشتىن ياكى رەھمەت دەرگاھىدىن يىراقلاپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قېلىشتۇر. مانا بۇلار شەپقەت ھېسابلىنىدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن تارتىپ ئىماننىڭ شەپقەت، مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت جەۋھىرى - كەۋسىرى بىلەن ۋۇجۇد قەسرىگە نۇر بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ شەپقەت، مېھرىبانلىقتىن ئۆز - ئۆزىنىڭ ئىمان بىلەن قوراللانغان خاراكتېرىنى نامايان قىلغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ زۇلۇمدىن، ئادالەتسىزلىكتىن جان تالىشىۋاتقان مەسۇم بىچارىلەرگە شەپقەت قىلىش، ئۇلارنى زۇلۇمدىن،

142

بەت 151

خورلۇقتىن، مۇھتاجلىقتىن، نامراتلىق، ئاچ - يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ ئاجىزلارغا كۆيۈنىدۇ، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا بىر توغرام نان بېرىش، ئىككى يارماق سەدىقە قىلىش بىلەن ئۇلارغا بولغان مېھرىبانلىقنى ئادا قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئەلدىن زۇلۇمنى كۆتۈرگەندە، زۇلۇم تىغلىرىنى پارچىلىغاندا، ئەلدە ئادالەت ئورناتقاندىلا، ئاندىن ئۇلارغا ھەقىقىي خەير - ساخاۋەت قىلغانلىق، مېھرىبانلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئادالەت، باراۋەرلىك، توغرا، ھەققانىي قانۇن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ زۇلۇمدىن ئىڭراۋاتقان جانلارغا شەپقەت قىلىش ئەڭ كاتتا ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ خۇددى ناۋائىي ئېيتقاندەك: ئۆزىگە قىلىنغان زۇلۇمدىن بىر قېتىم نالە - پەرياد قىلسا، ئەلگە قىلىنغان زۇلۇمدىن مىڭ قېتىم پەرياد چېكىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ زوراۋان بەگلەرگە شەپقەتلىك، مېھرىبان بولۇش ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلىدۇ، ئۇلارنى ئادالەتكە، ھەققانىي بولۇشقا، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى مەڭگۈلۈك كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ زوراۋان ھۆكۈمرانلارغىمۇ مېھرىبانلىقنى ئايىمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئازاب - ئوقۇبەتكە، قۇتۇلغۇسىز خورلۇققا قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ۋە ئۇلارنى بۇنداق يامان ئاقىۋەتتىن قۇتۇلدۇرماق بولىدۇ. «خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئېغىرلىشىپ كەتتى، تەشۋىش كۆپىيىپ كەتتى، مېھرىبانلىق، سۆيۈنۈش ئازلاپ، ھېرىسلىق، ياۋۇزلۇق ئەدەپ كەتتى. يېتىم، تۇل، يېتىمچىلەرگە شەپقەتچى يوق، پۈتۈن جاھان ئۆزگەردى، بۇنداق ناھەقچىلىككە ئېچىنىدىغانلار قالمىدى، ① «قېنى، كۆزى تويمىغان ئاچ، ياۋۇز بەگلەر، شۆھرەتنى قايىرىپ قويۇپ، نۇرغۇن ئەللەرنى بولاپ - تالىغانلار، ئۇلار ئۇنىڭدىن ھېچقانداق مەنپەئەت ئالالمىدى. قېنى، باشقىلارنىڭ يېرىنى كۆزلىگەنلەر؟»

① «قۇتادغۇ بىلىك»، 6486 - 6487 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى. 143

بەت 152

گەنلەر، مانا ئەمدى غۇلاچ يەردە ئىڭراپ ياتمامدۇ. قېنى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى ناھەق تۆككۈچى، ئۇنىڭ قانداق يەرگە كىرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شۇنچە ھەۋىسى، كۈچىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەمسەن.» ① زالىم، زوراۋان، شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلارغا مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ: «خەلققە ئادىل، مېھرىبان بول. كۆيۈمچان بولۇپ خەلقنىڭ دەردىگە قۇلاق سال، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقىن. خەلققە شەپقەت قىلساڭ خۇدا ئەجرىڭگە خەيرلىك يولنى ئاچىدۇ. يامانلىق قىلغان ئادەم ئۆزىگە قىلىدۇ. يامانلىقنىڭ جاۋابى يامانلىقتۇر. ئەگەر يامانلىق تىلىسەڭ نېمە قىلساڭ قىل، ئۇنىڭ ئازابى ئاخىر سېنىمۇ ئېگىرتىدۇ، بۇنى بىلىپ قوي.»

يۈسۈپ ئۇلۇغ تەڭرىدىن پۈتۈن مۆمىنلەرگە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مېھرىبان بولۇپ، شەپقەت قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقتا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشنى تىلەيدۇ:

6512 كەچۈرگىن يەنە ھەممە مۆمىنلەرنى، شەرق تىن غەربكە قەدەر ھەممىنى.

مانا بۇ مېھرىبانلىق، شەپقەت تەربىيىسىدىن تىكلەنگەن ئالىيجاناب خاراكتېر. ئۇ شۇنداق ئۇلۇغ خاراكتېرنىڭ ئىشتىراكى، ئۇنى ئىنسانىيەتنى بەخت - سائادەتكە يېتەكلەيدىغان، زۇلۇمنى چەكلەيدىغان شۇنداق كاتتا ئەسەرنى يېزىشقا ئۈندىگەن.

* * *

سۆيگۈدىن سۆيگۈ، مېھرىبانلىقتىن مېھرىبانلىق تۇغۇلىدۇ؛ نەپرەتتىن نەپرەت، ياۋۇزلۇقتىن ياۋۇزلۇق تاپىدۇ. سۆيگۈ

① «قۇتادغۇبىلىك» 6438 - ، 6440 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى. 144

بەت 153

ۋە مېھرىبانلىق ئارقىلىق بالىلاردا سۆيگۈنى، مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ياخشى، ئۈلگىلىك ئەنئەنىلىرىدىن بىرى. بۇ خۇسۇسىتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا، پەرزەنت تەربىيىلەش ئەنئەنىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن ياخشى ئۈلگىلىرى بار.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەئرابىي (تاغلىق، سەھرالىق دېگەن مەنىدە) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى (پاتىمەنىڭ ھەزىرىتى ئەلىدىن بولغان ئوغلى) ھەسەننى سۆيگەنلىكىنى كۆرۈپ: سىلەر كىچىك بالىلارنى سۆيىدىكەنسىلەر، بىز سۆيمەيمىز، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھ سېنىڭ قەلبىڭدىن مېھرىبانلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەن تۇرسا، مەن ئۇنى سېنىڭ دىلىڭغا سالالامتىم» دېگەن. ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقى ئىنسانلاردىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلاردىمۇ بولىدۇ. ھايۋانلاردا ئاڭسىز بولسا، ئادەمدە ئاڭلىق بولىدۇ. ئىنسان ئىنساننى سۆيىدۇ، سۆيگۈ، مېھرىبانلىق بۇ دۇنيانىڭ كۆرۈكى، تولۇق مەنىسى. ئاتا-ئانا مانا شۇ سۆيگۈ ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى تەسەددۇق قىلىپ پەرزەنتلەر ئۈچۈن ياشايدۇ، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۆيىدۇ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئارزۇ-ئارمانلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈستىگە قويۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ چۈشىمۇ، ئوڭىمۇ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىستىقبال مەنزىلىنى ئىزدەش بولىدۇ. ھايات دېگەن مانا شۇنداق، پۈتۈن ھايۋان ۋە قۇشلار دۇنياسى بالىلىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك مېھرىبانلىق قىلىدۇ، پەرق شۇكى، ھايۋان ۋە قۇشلار ئۇ بىر خىل مەۋجۇدىيەت، بىراق ئىنسان مېھرىبانلىقنىڭ، سۆيگۈنىڭ ئەسلىي كۆرۈكى ۋە مەنىسى. چۈنكى، ئادەم ئاڭلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆيگۈسى، مېھرىبانلىقى پۈتكۈل تەبىئەتكە جان، جەمئىيەتكە ھۇزۇر-ھالاۋەت بېغىشلايدۇ.

ئەل ئارىسىدا پادىچىلار مېھرىبان كېلىدۇ، دېگەن بىر ئەقىدە بار. مېنىڭچە، بۇ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق چىقىرىلغان خۇلاسە.

بەت 154

سه، تارىخىي رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، ئىنسانىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى پادىچىلىق قىلغان، پادىچىلاردا كۆيۈنۈش، ئاددىي-ساددىلىق، كىچىك پېئىللىق، تۈز كۆڭۈللۈكتىن ئىبارەت ياخشى خاراكتېر يېتىلىدىكەن. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ پادىشاھنى پادىچىغا، خەلقنى قويلارغا ئوخشىتىپ، پادىچى دېگەن قويلىرىغا مېھرىبان بولىدۇ، دەپ سۈپەتلەيدۇ.

بىز ئۆيدە چارۋىلار بىلەن بىللە چوڭ بولغان، پادا باققان. يېزا بالىلىرىنىڭ خاراكتېرى بىلەن شەھەر بالىلىرىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، ئۇلاردا خېلى روشەن پەرق بارلىقىنى ھېس قىلىمىز، يېزا بالىلىرى ھايۋانلارغا شۇنداق كۆيۈنىدۇ، ئۇلار ئاچ قالغان، ئۇسسۇز قالغان مۈشۈك، ئىت ۋە باشقا ھايۋانلارنى كۆرگەندە، يانچۇقلىرىدىكى نان ئۇۋاقلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، قولىدا ئۇچۇملاپ سۇ ئىچۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىر قىسىم شەھەر بالىلىرىدا مۇنداق كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۇلار ھەتتا شەھەرلەردە ئاشۇنداق كۈچۈك، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۇلارغا تاش-چالما ئېتىۋاتقانلىقىنى، قۇيرۇقلىرىغا يىپ باغلاپ سۆرەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. دېمەك، ئۇلاردا ئۇ ھايۋانلارغا ئىچ ئاغرىتىش يوق. يېزا بالىلىرى ھايۋانلار بىلەن ناھايىتى يېقىن دوستلۇق ئورنىتىدۇ، ئۇلارنى سىلاپ، ئەركىلىتىپ ئوينايدۇ. ئەگەر ئۇ ھايۋان دوستلىرىغا بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالغۇدەك بولسا، ناھايىتى ئۆكسۈپ يىغلايدۇ، شەھەر بالىلىرى مۇنداق دوستلۇقنى، ھايۋانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار كۈچۈك، قويلارنىڭ ئەركىلەپ يۈزلىرىنى يالاپ قويغان چاغدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشتىن خەۋەرسىز. مۈشۈكنىڭ مىياڭلاپ قۇيرۇق شىپاڭلاتقان چاغدىكى دوستلۇقنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلاردا ئۇلارغا بولغان كۆيۈنۈش، ئامراقلىق، دوست[Footer] 146

بەت 155

لمۇق رىشتىسى ئوڭاي باغلىنمايدۇ. بىز يەنە شۇنداق بىر سېلىشتۇر- مىنى ئەسلەپ باقساق ئەرزىيدۇ. قاسساپلار بىلەن ئادەتتىكى كىشى- لەرنىڭ ھايۋانلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. قاس- ساپلارنىڭ يۈرىكى قېتىپ كەتكەن بولغاچقا، قويلارنى، كالىلارنى بوغۇزلىغاندا قەتئىي قولى تىترىمەيدۇ، ھەتتا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر ھەتتا بىر توخۇنى بوغۇز- لىغان چاغدىمۇ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قولى تىترەيدۇ. بۇ نېمىدىن؟ يەنىلا مېھرىبانلىقتىن. رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر ئادەم رەسۇلۇل-لاھتىن: «مېنىڭ قويني بوغۇزلاشقىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ئۇنىڭغا رەھىم قىلساڭ ئاللا ساڭىمۇ رەھىم قىلىدۇ، دېگەن. (ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس). يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمنىڭ قويني بوغۇزلاش ئۈچۈن پۇتىدىن سۆرەپ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېست ساڭا… ئۇنى ئۆلۈمگە چىرايلىق يەتكۈزگىن، دېگەن. بىز شۇنداق قارايمىزكى، ھايۋانلارغا ئىچى ئاغرىمىغان ئادەمنىڭ ئادەم- لەرگە ئىچى ئاغرىشى ناتايىن، ھايۋانلارغا كۆيۈنۈشنى بىلمىگەن، ئۇنىڭغا رەھىمسىزلىك قىلىشنى راۋا كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىنسانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشى ناتايىن. جاھالىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر قىز بوۋاقلارنى تىرىك كۆمۈشتىن قەتئىي ھايا قىلمايتتى، شەپقەت- سىزلىك بىلەن ئەمدى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىسنى تىرىك كۆمۈشكە كۆزى قىياتتى، رەھىم قىلمايتتى. ئىسلام دىنى ئۇلارغا مېھىر - شەپقەت ئاتا قىلغان. چۈنكى، ئاللا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىگە مېھرىبان بولۇشنى بۇيرۇغان، ئاتىلارنىڭ بالىلىرىنى سۆيۈشنى، ئۇلارنى ھىمايە قىلىشنى، بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ساداقەتمەن، مېھرىبان بولۇشنى بۇيرۇغان. شۇڭا، ئىسلام تەربىيىسىدە بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ مېھرىبانلىقنى، ئاق كۆڭۈللۈكنى، بارلىق جانلىقلارغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇن- داق مېھرىبانلىق ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئىماندا مۇستەھكەم ئادەم

147

بەت 156

قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلىدە سۆيگۈ، مېھرىبانلىق ئىچىدە ئۆسكەن، ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان سۆيگۈ، مېھىر ئاتىشى ئۇنىڭغا بۇ دۇنيانىڭ ئەللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ دۇنياغا، ئىنسانلارغا سۆيگۈ بىلەن بېقىشنى، پۈتۈن ئىنسانلارغا مېھرىبان بولۇشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئەسلىدە بالىنى ئاتا - ئانا ئۆز قولى بىلەن باقسۇن، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭ باشقا جەھەتتىكى قىممىتىنى ئايرىم بابتا سۆزلەيمىز. بىز توختىلىۋاتقان مېھرىبانلىقنى، كۆيۈنۈشنى ئۆگىتىش جەھەتتە ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆزى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقانداق بىر ئادەم ئاتا - ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرىبانلىقىدەك مېھرىبان بولالمايدۇ. ئاتا - ئانىسى بالىسىنى سۆيگەندەك سۆيەلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا بالىدا ھەقىقىي مېھرىبانلىق قەلبنى ئويغىتىشتا ئاتا - ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا رەھىمسىز، ئەسكى، ساياق، گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلارنى «ئاتا كۆرمىگەن، ئانا كۆرمىگەن» دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەيدىغان ئادەت بار. بۇ دېگەنلىك ئانا تەربىيىسى، دادا تەربىيىسى، ئانا سۆيگۈسى، دادىنىڭ مېھرى يوقمىغان بالا دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىز بىلىمىزكى، ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتتىن ئاجايىپ ياخشى خاراكتېر تۇغۇلۇپ چىقىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىدە ئۆي خىزمەتچىلىرىگە ھەرگىزمۇ قوپاللىق، قاتتىقلىق قىلماسلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئائىلىدە يەنە قول ئاستىڭدىكى خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشمۇ ئائىلە بەختى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. ئۇلارنىڭ قورسىقىنى ئوبدان تويدۇر، يېرىتىنى پۈتۈنلە، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش تاپشۇر. ئۇلارغا ئارتۇق مۇشەققەت يۈكلىمە. قادىر ئاللا ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. ئۇلارمۇ خۇدانىڭ بەندىسى. ئۇلارغا زۇلۇم قىلىپ، ئاللانىڭ غەزىپىگە دۇچار بولما. سەن مەرت[Footer] 148

بەت 157

ۋىلىك، ئۇلار سەندىن كىچىك بولغانىكەن، ئۇلۇغلارنىڭ كىچىك- لەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىشى بەرھەق. مەرتىۋىلىك بولغاندا كۆڭلۈڭنى كىچىك تۇت، كىچىك پېئىللىق ئۇلۇغلۇقنىڭ زىننىتى.»① يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز مۇنداق خۇلاسىگە ئىگە بولىمىز: بىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەقىقىي مېھرىبان، كۆيۈمچان، يوقىرى مەرتىۋىلىك بولسىمۇ، ئاددىي - ساددا، كىچىك پېئىل ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆي خىزمەتچىلىرىگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. شۇڭا، يۈسۈپتە «ئۆي خىزمەتچىلىرىنى ئۇرما، كۆپ كۈچىمە قاتتىق تۇر» دېگەندەك شەپقەتسىز ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپلەر چىقمايدۇ. ئەگەر ئائىلىسىدە خىزمەتچىلەرگە قارىتا زۇلۇم، قاتتىق قوللۇق، رەھىمسىزلىك قىلىنغان بولسا، يۈسۈپكە مانا شۇ ئادەت ئۆزلىشىپ قالغان بولاتتى.

بىز تۇرمۇشتا بەزىبىر ئىشلارغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيمىز. بىراق، بىز سەل قارىغان ئاددىي ئىشلارمۇ پەرزەنت تەربىيىسىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. مەسىلەن، بىر تىلەمچى ئىشىك ئالدىمىزغا كەلسۇن ياكى كوچا دوقمۇشلىرىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلسۇن، ئۇلارغا ھەرگىز قاتتىق قوللۇق، قوپاللىق قىلماسلىقىمىز لازىم. بۇنداق مۇئامىلە بالىلارغا ناھايىتى يامان تەسىر بېرىدۇ. ئۇلارنى ئاستا - ئاستا رەھىمسىزلىككە سۆرەپ كىرىدۇ. بولسا، بالىلارغا «يۈگۈر بالام، ئاۋۇ تاغايغا ياكى ھاممىغا نان ئېپچىقىپ بەر، ئۇسسىغان بولسا سۇ ئېپچىقىپ بەر، دېيىش، كوچىلاردا بولسا، يېنىمىزدا بولسا پۇلنى بالىمىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، بالام بۇ پۇلنى ئاۋۇ ئاكىشقا، تاغاشقا ئاپىرىپ بەرگىن» دەپ بۇيرۇشىمىز كېرەك. بۇ بالىلاردا ئاستا - ئاستا باشقىلارغا كۆيۈنۈش، سېخىيلىق


① «قۇتادغۇبىلىك» رومانلاشتۇرۇلغان نەسرىي نۇسخا، 267 - بەت.

بەت 158

ئادەتنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. بىر تۇغقىنىمىز ياكى دوستىمىز، قوشنىلىرىمىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بالىلارغا بىلدۈرۈپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ياردەم قىلىش ئارقىلىقمۇ، ئۇلاردا ياخشى خاراكتېرنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئۆيدە ھەرگىزمۇ: ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆزگىگە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۆزىمىزگە، ئۇلار بىزگە قاچان ياردەم قىپتىكەن، دېگەندەك گەپ - سۆزلەرنى قىلساق، بالىلار بارا - بارا شەخسىيەتچى، ۋاپاسىز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ - دە، كېيىنچە ئۇ ئاتا - ئانىسىغىمۇ ۋاپا قىلمايدىغان، شەپقەتسىز، رەھىمسىز ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ بىر يامان ئامىلى بولۇپ قالىدۇ.

ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە «سەن باشقىلارغا شەپقەت قىلساڭ، تەڭرىنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىسەن، باشقىلارغا رەھىمسىزلىك قىلساڭ تەڭرىنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولىسەن» دېگەندەك ئېتىقاد سىڭدۈرۈلىدۇ. شۇڭا، مېھرىبانلىق تەربىيەسى ئۇتۇقلۇق بولغاندا، ئادەم ياخشىلار ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇرالايدىغان، ئاجىزلارغا مېھرىبان، ياۋۇز كۈچلەرگە شەپقەتسىز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. ھېكايەتتە كېلىنۈرۈلۈپتۇلەركى: «بىر دەرۋىش بەك موھتاجلىق دەستىدىن بىر يېقىن بۇرادىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىر پالاسنى ئوغرىلىغانىدى، ھاكىم ئۇنى جازالاپ قولىنى كېسىشكە بۇيرۇدى. ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پالاسنىڭ ئىگىسى ئۇ دوستىغا رەھمى كېلىپ: «مەن ئۇنى ئەپۇ قىلدىم» دەپ شاپائەت تىلىگەن. ھاكىم بولسا: شاپائىتىڭىزنى قوبۇل قىلسام ھەرگىز شەرىئەتنىڭ ھۆكمىدىن چىقمايمەن! دەپ تۇرۇۋالغاندا، پالاسنىڭ ئىگىسى بىر پالاس ئۈچۈن بۇرادىرىنىڭ قولىنىڭ ناكا بولۇشىغا چىدىماي يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دېگىنىڭ توغرا، لېكىن ئۆز خۇسۇسىي مالدىن نەرسە ئوغرىلىسا، قولىنى كېسىش لازىم بولمايدۇ، چۈنكى پېقىرنىڭ مېلى - مۈلكى بولمايدۇ، دەرۋىشنىڭ قولىدىكى بارلىق نەرسە موھتاجلارنىڭ

بەت 159

ۋەھىپىسى» دەپتۇ. دېمەك، ئادەمدىكى مېھرىبانلىق تەرەققىي قىلغاندا، شۇنداق ئۆزى ئۈچۈن ياشاشتىن باشقىلار ئۈچۈن ياشاشقا ئۆزىنى پىدا قىلالايدۇ.

* * *

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىللەتنىڭ ئەڭ ۋاپادار ئوغلانى، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى ۋاپادارلىق بىلەن ھەم كىشىلەرنى ۋاپادارلىققا دەۋەت قىلىش بىلەن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش بىلەن ئۆتكەن ھايات. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ تەقۋادار مۇخلىسى. شۇڭا، ئۇ ئاللا ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدى، ئاللا يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتتى. ئاللا ۋاپادارلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋاپاسىزلارنى يامان كۆرىدۇ. «سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەنلىرىڭلاردا ئاللانىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسەمىڭلارنى (ئاللانىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ) پۇختىلانغاندىن كېيىن بۇزماڭلار… ئاللا قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.» ① يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللانىڭ ئەھدىگە (يەنى ئاللا تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ.» بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ھەربىر ئادەم ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ۋاپاسىز دېگەن بايراق تىكلىنىدۇ» دېيىلگەن. ۋاپادارلىق دېگەن ئاجايىپ بۈيۈك مۇھەببەت، يىقىلماس ئىرا دە، تىز پۈكمەس ئەقىدە، يېڭىلمەس كۈچ. ۋاپا ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان تەڭداشسىز مەنىۋى نېمەتلەرنىڭ بىرى. ۋاپا بىلەن نېسىۋىگە ئېرىشەلمىگەن ئىنسان قۇرۇق جەسەتتۇركى، ئۇنىڭ بۇ ھاياتلىق ئالەمىدە ھېچقانداق ئېتىبارى يوق، ئۇ بىر ئاپەت كەلتۈرگۈچى زىيانداش مەخلۇقكى، ئۇنى ئەلدىن تازىلىمىغۇچە ئەلدە


① «قۇرئان كەرىم»، سۈرە نەھل، 91-ئايەت.

بەت 160

ئامانلىق يوق. ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقىمۇ، بۈيۈكلۈكىمۇ ۋاپادىن، ئۇنىڭ پەسلىكىمۇ، زەئىپلىكىمۇ ۋاپاسىزلىقتىن. شۇڭا، ئۇيغۇرلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ۋاپادارلىق تەربىيىسىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ۋاپادارلىقتىن تىكلەنگەن ئابىدىلەر سان-ساناقسىز ئىدى، ۋاپاسىزلىقتىن لەنەتكە ۋە مەڭگۈلۈك كۈلپەتكە قالغان نائەھلىلەرمۇ كۆپ ئىدى. بۇ خىل ئۈلگىلەر پەرزەنت تەربىيىسىدە ئەڭ ياخشى دەرسلىك بولۇپ رول ئوينىغان. ئىسلامىيەت تارىخىدىمۇ ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىلىرى ناھايىتى كۆپ. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بوينىنى ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن دادىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتۇپ بەرگەنلىكىمۇ ۋاپادارلىقتىن ئىدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپادار ئايالىنىڭ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئەتيېنى قۇرتلاپ، پۇراپ يېنىدا تۇرغۇچىلىكى قالمىغاندىمۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلماي، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىمۇ ۋاپادارلىقتىن ئىدى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا، ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىشقا ئاتاپ چېكەن رىيازەتلىرى ۋاپادارلىق تەربىيىسىنىڭ خاسىيىتى ئىدى. نۇزۇگۇمنىڭ ۋەەتەن دۈشمەنلىرىگە نامىنى بۇلغاتماسلىق ئۈچۈن قالماق سۇلتانىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ، قومۇشلۇقلاردا قوشاق توقۇشى ۋاپادارلىقنىڭ غەزىلى ئىدى. مىليونلاپ باتۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ مەنىپىئىتى ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلىرى ۋاپادارلىقتىن ئېچىلغان قىزىل گۈلنىڭ تىمسالى ئىدى. ۋاپا ئەھدىسى دېگەن مانا شۇنداق ئاقلانمىغان بولسا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتمۇ، ۋەتەنيەرۋەرلىكمۇ، خەلقپەرۋەرلىكمۇ بولمىغان بولاتتى. ئادەم بىلىسە، ھەربىر ئادەم ۋاپادارلىقنىڭ مېۋىسى. ۋاپاسىزلىقتىن تۆرەلگەن بالىنى ھارامى دەيدۇ. ئۇنىڭ تېگى پەس ۋە ناكەس بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ۋاپا كەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ۋاپادار ئاتا-ئانىلاردىن ۋاپادار پەرزەنت دۇنياغا كېلىدۇ، ۋاپاسىز ئاتا-ئانىلاردىن ۋاپاسىز

152

بەت 161

پەرزەنت تۇغۇلىدۇ.

يۈسۈپ ۋە مەھمۇدلار پاك نەسىل ۋە پاك ئۇرۇقتىن تۇغۇلغان ۋاپادارلىقنىڭ مېۋىلىرى ئىدى. ئۇلار ۋاپادارلىق بىلەن ۋاپادارلىققا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشتى. ئۇلار ۋاپادارلىقتىن ئۇلۇغ ئابىدە تىكلىدى. ۋاپادارلىق ئۇلارغا ئۆمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلغان، ۋاپادارلىق ئۇلارغا تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە كۈچ بېغىشلىغان، ۋاپادارلىق ئۇلارنى ھەققانىيەتچى قىلغان، ۋاپادارلىق ئۇلارنى ئەلنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشقا ئىشتىراك قىلغان. ۋاپادارلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىنى ئۆگەتكەن.

يۈسۈپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇ ئاسى بەندىلەرنىڭ قاتارىدا بولۇپ قېلىشتىن ھەر قاچان ئۆزىنى ئاگاھ قىلىپ تۇراتتى. ئۇ «ۋاپاسىز دۇنيا سېنى تاشلىۋېتىپ رەسۋا قىلىشتىن بۇرۇن، سەن ئۇنى تاشلىۋېتىپ، ئاللانىڭ ئەھدىنى ئاقلا، بۇ دۇنيانىڭ ھالاۋىتىگە ئۆزۈڭنى كۆپ ئۇرما، مال-دۇنيا سېنى قىزىقتۇرۇپ كۆزۈڭنى پەردىلەپ قويمىسۇن، بولمىسا خەلقنىڭ ئاھ-زارىنى كۆرەلمەيسەن» دەيتتى. «ئەي يۈسۈپ، جاھان بېۋاپادۇر، خەلقمۇ ئىشەنچسىز، ئاقىل بولساڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇر. سەن ئۇنىڭغا چىڭ يېپىشىۋالدىڭ، ئۇنىڭدىن كۆڭلۈڭنى ئۈزۈشكە تىرىشقىن. بۇ دۇنياغا ئۇنداق ئىشىنىپ كەتمە، خۇدانى يادىڭدىن چىقارما، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىپ يالۋۇر. بۇ ۋاپاسىز جاھان خېلى كۆپ خەلقنى تاشلىۋەتتى، كۆرمەمسەن، مانا شۇ دۇنيا مەنپەئەتلىرىنى دەپ نۇرغۇن ئەللەر ھەق يولىدىن ئادىشىپ، ۋاپاسىز ئاتالدى. ساڭىمۇ ھەر خىل بېزەكلىرى بىلەن جابدۇنۇپ كۈلۈپ خىرىس قىلىۋاتىدۇ، ئاگاھ بول، ئۇنىڭغا بېرىلىپ ھوشۇڭنى يوقىتىپ قويما.» (6629-6633) يۈسۈپ شۇنچە تەقۋادار ۋە ۋاپادار تۇرۇپ، يەنىلا ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلايتتى. ئۇ ئاللا بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم، دەپ ئەپسۇسلىناتتى: «گۇناھىم

بەت 162

تولا، ئويانسىز بەندە ئىمەن، بارلىق رەھىم - شەپقەت سەندىنلا كېلىدۇ، سېنىڭدىن قورقۇپ، كۆپ گۇناھلارنى قىلدىم، مانا بۈگۈن ساڭا سېغىنىپ يالۋۇرماقتىمەن. يۈسۈپ ئەمدى يولۇڭنى تۈزەتكىن، خۇي - پەيلىڭنى دۇرۇس قىل. ھەر ئىككى دۇنيادا تۆردە ئولتۇرۇشقا ئورۇن ھازىرلا. ئەي كەرەملىك خۇدا، پۈتۈن مۆمىنلەرنى كەچۈرگىن، چەكسىز رەھمىتىڭدىن ئۇلارنى تولۇق بەھرىمەن قىل!» (6638 - 6644 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى).

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئېزىتقۇ شەيتان مال - دۇنيا ھەۋىسى، نەپسى بالاسى. مال - دۇنيانىڭ تۇزىقىغا ئىلىنىپ قالغان ئادەم ئەھدىنى ئۇنتۇپ، ۋاپاسىزلىق يولىنى تۇتىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا ۋاپاسىزلىق نامىنى ئالغان ئادەملەرنىڭ تۇتقان يولى مال - دۇنيا ئۈچۈن ئاستە تاللىماسلىق. ئۇلار مانا شۇ مەنپەئەت ئۈچۈن دوستىنىمۇ ئاسىلىق قىلىلايدۇ، ئاتا - ئانا، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىدىنمۇ يۈز ئۆرۈيەلەيدۇ، ۋەتەنگە ۋە خەلققە قارايۈزلۈك قىلىپ ساتقىنلىق قىلىلايدۇ. ئۇنداق ئادەمدە ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ، نومۇس ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ، چۈنكى ۋاپا بىلەن ھايا قوشكېزەك بولۇپ، بىرى بولمىسا يەنە بىرىمۇ بولمايدۇ. بۇ خۇسۇستا ئۇلۇغ شائىرىمىز ئەلىشىر ناۋائىي مۇنداق تەۋسىيەنى قىلىدۇ: «كەرەم بىلەن مۇرۇۋۋەت ئىككىسى خەلققە ۋاپا يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىزدەشكە يوقلۇق مەملىكىتىگە كېتىپتۇ. جاھاننىڭ گۈلشىنى ۋاپا گۈلىنىڭ يوقلۇقىدىن زىننەتسىزدۇر. ئادەمنىڭ گۈلى ۋاپا بولىنىڭ يوقلۇقىدىن خۇشبۇي ئەمەستۇر. ۋاپانىڭ چىرىغى ھەم قاراڭغۇ ئۆينى يورۇتالمايدۇ ۋە زاماننىڭ بېۋاپالىرىنىڭ كۆڭلى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. ۋاپا نەركىز گۈلىدۇركى، دەۋراننىڭ گۈلزارلىقىغا كۆز سالمايدۇ. ۋاپانىڭ كۆڭلىدە مەئىشەت ۋە ئۆچمەنلىك يوشۇرۇنالمايدۇ. ۋاپا پاك يارالغان بىر مەھبۇبتۇركى، پاك كۆڭۈلدىن باشقىغا يېقىنلىقى ۋە ئۈلپىتى يوقتۇر. ئۇ پاك يارالغان بىر سەلۋىتۇركى، پاكىز يارالغاندىن باشقىغا مەيلى ۋە رەغبىتى يوق.

بەت 163

ئۇ بىر قىممەتلىك گۆھەردۇركى، ئىنسانىيەتنىڭ تاجىغا زىننەتتۇر. ۋاپاغا ھايا بىلەن يېتىلى بولىدۇ، ھاياغا ۋاپا بىلەن يېتىلى بولىدۇ.

ۋاپانىڭ تېگىدىن ھايانىڭ زىكرى بار، كەرەم بىلەن مۇرۇۋۋەت ئاتا بىلەن ئانا بولسا، ۋاپا بىلەن ھايا بىر قورساقتىن چىققان بىر تۇغقانلاردۇر. ۋاپاسىزلاردا ھايا يوق. ھاياسىزلاردا ۋاپا يوق. قانداقكى كىشىدە بۇ ئىككىسى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئىمانى يوق. ھەر كىمدە ئىمان بولمايدىكەن، ئۇنىڭدا ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئىمكانى يوق.» ① شۇنداق، ۋاپادىن ھاياتلىق چىمەنى بوستانلىق بولغان، ۋاپاسىزلىق ئىنساننىڭ ئىمانىنى كۆمۈۋېتىدىغان گۆركار بولغان. ۋاپا دېگەن ئاللا بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە - توختام ئىكەن، ھەرقانداق بىر ۋاپاسىزلىق ئەمەلىيەتتە ئاللاغا قىلىنغان ۋاپاسىزلىق بولىدۇ. شۇڭا، يۈسۈپ ھاياتىغا ۋاپادارلىقتىن زىننەت بەرگەن، ئىماندىن يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتنى ئەلگە تەئەللۇق ھايات دەپ قارىغان، ئومۇمنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، سودىگەر ئومۇمغا ياراشقان ئەھدە قىلغان. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق بۇيرۇيدۇ: «ئەي يۈسۈپ، بىلىم ئۆگىنىپ، ئىلىم تۆرىدىن ئورۇن ئال. بىلىمىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن مۇستەھكەم قورغان بولىدۇ. بىلىمسىز قەلب بىلەن تىل نېمىگە يارايدۇ؟! بىلىم بىلەن ئومۇمغا سودىگەر يارغىلى بولىدۇ. ھەرقانچە بىلسىڭمۇ يەنە سوراپ ئىزدەن، بىلىملىك ئادەملەر سوراش بىلەن تىلەككە يەتكەن. (بىلىمەن) دېگەنلىكنىڭ بىلىمسىزلىكىڭنىڭ نىشانىدۇر، بىلىملىكلەر ئۇنداقلارنى نادان ھېسابلايدۇ. بىلىم دېگەن تۈۋى ۋە چېكى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ، سۇندۇك شوراپ ئۇنىڭدىن قانچىلىك سۇنى قۇرۇتالايدۇ؟ بىلىم بولغاندىلا ئۆز بېشىڭ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولىدۇ. شۇڭا،

① ئەلىشىر ناۋائىي «مەھبۇبۇل قۇلۇب» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشرى، 153، 154-بەتلەر.

155

بەت 164

بىلمەسلىك ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. يا بىلىم ئۆگىنىپ، ئادەم قاتارىغا كىرىپ ئۆزۈڭنى يۈكسەلدۈر، ياكى ھايۋان ئاتىلىپ كىشىلەردىن چەتلەش.» ① كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، يۈسۈپ ئۆزىنى ھەقىقىي ئادەمىيلىك مەرتىۋىسىگە يەتكۈزۈشنىڭ ئاچقۇچى بىلىم ئۆگىنىش دەپ قارىغان، بىلىم ئۆگىنىشتىكى مەقسىتى ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئەلگە ياراش ئۈچۈن ئىدى. ياراملىق ئادەملەر ئەلگە ۋاپادارلىق كۆرسىتەلەيدۇ، نادان ئادەم ھەرقانچە ۋاپادار بولىمەن دېسىمۇ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. نادان ئادەم كۆپ ئازابچى ھەم تايانچسىزدۇر. ۋاپاسىزلارنىڭ كۆپىنچىسى نادان كېلىدۇ. ئاقىل ئادەم ھەرگىز ۋاپانى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، چۈنكى، ۋاپاسىزلىق ئادەمىيلىكتىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئادەمىيلىكتىن مەھرۇم بولغان مەخلۇق نېمىگە يارايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ دۇنيادىن ۋاپا بىلەن ئۆتۈشكە قەسەمىياد قىلىدۇ. كىشىلەرگە ۋاپادارلىق بىلەن ئۆلگە بولۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىرىشچانلىق قىلىدۇ. ئەلدىن ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ۋاپادار ئىنسانلارنى قەدىرلەيدۇ. ئۇ ئەل ئىچىدە ۋاپاسىز مەخلۇقلارنىڭ كۆپىيىپ، دۆلەتكە، خەلققە ئاپەت ياغدۇرۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىدۇ. «ھەي ئىگەم، ۋاپاسىزلارغا ئۇچراپ، قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈم، ۋاپالىق ئىنسانلارنى تاپسام شېرىن جاننى پىدا قىلاتتىم» دەيدۇ. يەنە ئۇ بۇرۇن ۋاپادارلىق بىلەن نام قازانغان كىشىلەرنى سېغىنىپ ئەسلەيدۇ؛ زامانىسىدىكى ۋاپاسىزلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ بىئارام بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ئېچىنىدۇ: «مەن ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈرەي، جاھان كېزىپ دۇنيادا ۋاپادار ئادەم بولسا ئىزدەپ كۆرەي، بۇ دۇنيادا ھەقىقىي ئادەم قىس بولۇپ كەتتى، ئۇلارنى نەلەردىن ئىزدەسمەم بولاركىن، قېنى ئىزدەپ تاپقۇدەك بولسا ئىزدەپ باقاي. ھەم ئارزۇيۇمغا يەتسەم.»

① «قۇتادغۇبىلىك» - مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 6605-6611-بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى. 156

بەت 165

تەم، لېكىن ھەقىقىي ئادەمگە ئېرىشەلمىدىم. ئەگەر بۇ ئارزۇيۇم ھاسىل بولسا دىدارىغا قاينۇلاي، دۇنيانى جاپا قاپلاپ، ۋاپا قەھەتچىلىكى بولدى. قېنى سوراپ باقاي، كىمدە ۋاپا باركىن. مۇبادا ۋاپادار، سېخىي ئەرنى تاپسام ئىدىم، يەلكەمدە كۆتۈرەتتىم، كۆزۈمگە سۈرتەتتىم. ۋاپادار ئىنساننى تاپالمايدىغان بولسام، تاغدا كىيىك بىلەن ھايات كەچۈرەي، قۇمنى تۆشەك قىلىپ، تاغاردىن تون كىيەي، يېمەك-ئىچمىكىممۇ يامغۇر سۈيى بولسا بەس. كىشىلەردىن يىراقلاپ، دۇنيادىن ئۆتەي ياكى ياۋايى ھايۋان كەبى باياۋاندا يۈگۈرۈپ يۈرەي. بۇمۇ بولمىسا دۇنيانى تەرك ئېتىپ، دەريادەك ئاقاي، شامالدەك ئۇچاي.» ① «كىشىلەرنىڭ تىلى دىلىغا شاھىت ئىدى، ئەمدى تىلى بىلەن دىلى ئالا بولۇپ كەتتى.» ② «نېمىنى ئېيتىي، ئاداش - قولداشتىن ئۈمىد قالمىدى، قېرىنداشلىرىم ياتلىشىپ كەتتى. ئەگەر ئىشەنچ بىلەن خاتىرجەملىك قەسەم بىلەن بولىدىغان بولسا، قېنى ئۇ قەسەمگە ئەمەل قىلغۇچى، ئۇنى ئەر ئاتاي، نان - تۇز ھەققىنى ساقلىغۇچى بارمۇ؟ ئونداق كىشى بولسا ئالتۇن - كۈمۈش، مەرۋايىتلارغا كۆمۈۋەتەتتىم. خۇشاللىق ۋە قايغۇدا ئورتاقلىشىدىغان قوشنا-قولۇملار بولىدىغان بولسا، ئۆي - ۋاقامنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ چىقىپ كېتەي. ئىشەنچكە يارىغۇدەك دوست - يارەنلىرىم بولسىدى، ئۇنى بېگىم ئاتاپ، ئۆزۈم قۇلى بولۇشقا رازى بولاتتىم.» ③

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىلىك ھاياتقا ۋاپا ۋە ساداقەت بىلەن كىرىپ كېلىدۇ. ۋاپا - ساداقەتنى ھاياتنىڭ مىزانى قىلىدۇ. جەمئىيەتكە ھەم ۋاپادارلىق تەلەپنى قويىدۇ، ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق قايغۇ - ئەلەمدە چۆمىدۇ. ئۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاپاسىزلى--- ① «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى نەشرى، 6565-بېيىت. ② يۇقىرىقى مەنبە 6579-بېيىت. ③ «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 6582-6586-بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى.

بەت 166

قەدىمىن نەچچە ھەسسە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. چۈنكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاپاسىزلىق ئۆز - ئۆزىگە زىيان سېلىش ۋە ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىش بىلەن چېتىلسا، بەگلىرىنىڭ ۋاپاسىزلىقى پۈتۈن ئەلنى خاراب قىلىپ، كەچۈرگۈسىز گۇناھقا پاتاتتى. شۇڭا، ئۇ ئەسىردە بەگلەردىن ئاللانىڭ ئەمرىگە ۋاپا قىلىشنى، ئەجدادلارنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسىگە ۋاپا قىلىشنى، خەلققە ۋاپادارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەسىردە باشتىن - ئاخىر بەگلىرىنىڭ خەلققە ۋاپادار بولۇپ، ئۇلارنى جېنىدەك ئاسرىشىنى، ئەلگە يالغانچىلىق، كاززاپلىق قىلماسلىقنى، ئۇلارغا سەمىمىي بولۇپ، كۆڭۈل، تىلنى يۇمشاق قىلىشنى، توغرا قانۇن تۈزۈپ ۋاپاسىزلىقنى يوقىتىپ، ساداقەتمەنلەرنى كۆتۈرۈشنى، ئەلدىن زۇلۇمنى توختىتىپ، ئادالەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەگلەردە پاكلىق، تەقۋادارلىق، نەسلى ئېسىل بولمىسا ۋاپاسىزلىق سادىر بولۇپ، ئەلگە ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ: «بەگ تەقۋا، دىلى ئېسىل بولمىقى لازىم، دۆلەت دېگەن ئاشۇنداق ئېسىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ئېسىللىق نەسلى ئېسىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئادەم تەقۋا بولغاندىلا دىلى قورقاق بولىدۇ، دىلى قورقاق بەگ ھايا بىلەن ئىشنى تۈز قىلىدۇ.» ①

ئومۇمەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپادارلىقى شۇنچىلىك ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندىكى، ئۇ ئەلگە بولغان ۋاپادارلىقنى، ئۇلارغا بولغان شاپائەتنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى ۋاپادارلىققا ئۈندەيدۇ ۋە ۋاپادارلىق ئارقىلىق ۋاپادارلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

--- [Footer] ① «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 1985 - 1988 - يىللارنىڭ مەزمۇنى. 158

بەت 167

ئالتىنچى باب: ھاياتنى، تۇرمۇشنى، دۇنيانى سۆيۈشكە ئۆگەتكەن

ھايات ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك نېمەت پۇرسىتى، تۇرمۇش شۇنداق گۈزەل، رەڭگارەڭ ۋە جەلىپ قىلارلىق. دۇنيا مول نېمەتكە تولغان مەڭگۈلۈك بۇلاق. بۇ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق ماكانى، ئۇ ھەممىنى ئاتا قىلىدۇ. بۇ دۇنيا ئارقىلىقلا ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى تاپالايدۇ، بۇ دۇنيادا كىشىلىك قىممەتكە ئىگە بولالمىغان ئادەم ئۇ دۇنيادىمۇ قىممەت تارازىسىدا يېڭىل كېلىپ قالىدۇ. ھايات، تۇرمۇش، دۇنيا ئادەملەرنىڭ ساۋاب مەنبەسى ۋە قەدىر - قىممەت ئېتىزى. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتنى، بۇ دۇنيانى بىر ئېتىزغا ئوخشاتقان ۋە ئۇنىڭغا نېمە تېرىغان بولسا شۇنداق ھوسۇلغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھاياتنى ۋە دۇنيانى ئاللاھنىڭ رەھمىتى دەپ بىلگەن مۇسۇلمانلار بۇ دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھاياتمۇ، نۇرمۇشمۇ، دۇنيامۇ بۈيۈك قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ھېكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى، ئۇنىڭدىن ئېيىب ۋە قۇسۇر تاپالمايمىز ۋە قۇسۇر ئىزدەشكىمۇ بولمايدۇ: «ئۇلار تۇرغاندا، ئولتۇرغاندا، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ، (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ.» ① يوق.

159

بەت 168

رېقى ئايەت ئارقىلىق، ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا پىكىر قىلىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا، بۇ ئارقىلىق دۇنيا نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاللاھدىن مەمنۇن بولۇشقا يارىتىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئادەمگە ئەقىل پىكىر قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ئىشتىراك قىلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بېرىلگەن ياشاش، ھاياتنى قەدىرلەش، تەربىيىسىدە ئەقىلنى قەدىرلەش ئەقىلنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ناھايىتى كۆپ ئىشتىراك قىلىنغانلىقىنى، بىز «قۇتادغۇبىلىك» تە ئەقىلگە ئەڭ ئېتىبار بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئورۇن بەرگەنلىكىدىن بىلىدۇق. چۈنكى، ئادەمنىڭ دۇنيانى بىلىشكە ۋەھىيدىن قالسىلا ئەقىلدىن باشقا بىلىش، پىكىر قىلىش قورالى يوق ئىدى. ۋەھىي دېگەن پەقەت پەيغەمبەرلەرگىلا چۈشىدۇ، بىراق، باشقا بارلىق ئىنسانلار ئەقىل ئۆگىنىش ئارقىلىقلا دۇنيانىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقىل نېمىتىنى ئىنتايىن ئۇلۇغلايدۇ. ئۇ ئادەمنى ھايۋانلاردىن ۋە باشقا مەۋجۇداتتىن ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە قىلغان نەرسىنىڭ ئەقىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن. «ئاللاھ ئادەمنى تاللاپ ئۆزىمىز قەدىرلىك قىلدى. ئۇنىڭغا ئەقىل - ئىدراك، بىلىم، پەزىلەت بېرىپ يۈكسەلدۈردى»، «ئادەمدە ئەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن تەس تۈگۈنلەر يېشىلدى. بىلىمنى بۈيۈك، ئەقىلنى ئۇلۇغ بەلگۈلۈك.» «نەدە ئەقىل بولسا بۈيۈكلۈك شۇ يەردە بولىدۇ»، «ھەرقانداق ئىش ئەقىل مەرتىۋىسىگە يەتسە تۈمەن ئارزۇسى بولسىمۇ قېنىپ، تىلىكى ھەل بولىدۇ، ئەقىلنىڭ ئىنسان ئۈچۈن پايدىسى زور. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم قوشۇلسا، ئادەمنىڭ قەدىر - قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بىلىمكى، ئىنسان بالىسىنىڭ قىممىتى ئەقىل بىلەن بىلىمدە.»، «دۇنيادىكى بارلىق قەدىر - قىممەت ئەقىل - ئىدراك ئۈچۈن بولىدۇ. ئەقىلسىز، ئىدراكسىز بىر ئۇچۇم لاي بىلەن باراۋەر.» «ئەقىل قەدىر - قىممەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن بولغاچقا، ئۇ باشقا يارىتىلغان.» يۇقىرىقى

160

بەت 169

ئەقىلگە بولغان يۈكسەك چۈشەنچە ۋە مەمنۇنلۇقتىن باشقا، دىققىتىمىزگە ئەڭ سازاۋەر بولغان بىر ئىش شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىگە تاللىغان تۆت ئوبرازنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان ئۆگدۈلمىش ئەقىلنىڭ ئېتى يەنى سىمۋولى ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپ ئۇنى «ئۇنى ئەقىل - پاراسەت» دەپ ئاتىدىم، دېگەن. ئۇنىڭدىن ئەقىلنىڭ ھاياتقا ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق خاسىيەتلىرى يۈرۈيدۇ.

بىز «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئەقىلنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە، ئۆز دەۋرىدە ئەقىلنىڭ ئورنى، رولى ۋە قىممىتى توغرىسىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ روشەن، چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر ئەسەرنىڭ يوقلۇقىغا ئىقرار بولىمىز. بۇنداق چوڭقۇر چۈشەنچىنىڭ ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىدە ئەقىل - پاراسەت تەربىيىسىگە قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. كۆز ئالدىمىزدا ئەقىل توغرىسىدا تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سېيماسى ھازىر بولىدۇ: بالام، ئاللا ساڭا ئاتا قىلغان بارلىق نېمەتلەرنى قەدىرلىگەيسەن، ئەقىل ساڭا ئاتا قىلىنغان ئۇلۇغ نېمەت، ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىلىم نۇرى بىلەن يورۇتماق لازىمدۇر. ئادەم دېگەن ئالەمدىكى غايەت قۇدرەتلىك كۈچ، بۇ دۇنيانىڭ روھى ھەم بېزىكى. چۈنكى، ئاللا ساڭا ھېكمىتى بىلەن ئەقىلنى بەردى. بىلىسەنكى ساڭا ئالەمدىكى بارلىق نېمەتلەردىن ئەركىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بېرىلگەن ھەم شۇنىڭغا يەتكۈدەك ئەقىل كۈچىمۇ ئاتا قىلىنغان. ئەقىل دېگەن ساڭا بېرىلگەن تەڭداشسىز بايلىق. ئەقىلنىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ بارلىق نېمەتلىرى، ئوردا - قەسىرلىرى خەسىچىلىك ئېتىبارغا ئىگە ئەمەس. ئادەمدە ئەقىل مۇقەددەسلىكى بولمىغاندا ئىدى، ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندىن پەرقلەنمەس ئىدى. ئەقىل سەن ئۈچۈن قوماندان، قومانداندىن ياخشى تەربىيە كۆرمىگەن بولسا، ئۇ باشقا ئەزالارنى يامان، مەغلۇبىيەتلىك يولغا باشلايدۇ. قوماندان ياراملىق بولسا ئاندىن باشقا ئەزالارنىڭ رولىمۇ ئۈنۈملۈك جارى بولىدۇ. ئەقىل

بەت 170

ئۇ نۇر، ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەم شۇنداق گۈزەل ۋە جەلىپكار. ئەقىل بولمىسا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىمۇ ھېس قىلالماس ئىدۇق. ئەقىل بولمىسا كۆزۈڭمۇ تام تۆشۈكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئەقىل بولمىسا كۆڭۈلمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزۈڭگە ئاتا قىلىنغان ئەقىلدىن ئىبارەت مۇقەددەس بايلىقتىن توغرا پايدىلىنالمىساڭ، ھاياتىڭدىمۇ توغرا پايدىلىنالمايسەن. ئەقىل دېگەن كۆزى يوققا كۆز، تىلى يوققا تىل، ئۆلۈك تەنگە جان بەخش ئېتىدۇ. شۇنچە قىممەتلىك بايلىقتىن جايىدا پايدىلىنالمىساڭ، شۇنداق نۇرلۇق مەشئەلنى يورۇتماي قاراڭغۇ زۇلمەتكە پاتۇرۇپ قويساڭ، ئەڭ چوڭ جىنايەتكار بولىسەن، بۇنىڭ ھېسابىنى قىيامەتتە بەرمەك تەسى. دۇنيادىكى ھەرقانداق مەھرۇملۇق ئەقىل بايلىقىنى نابۇت قىلىشتىن ئارتۇق بولمايدۇ. دۇنيادىكى ھەممە قىممەتلىك نەرسىگە ئەقىل ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىن، ئەگەر ساڭا ئەقىل يېتىشمىسە، ساڭا ھەممە نەرسە يېتىشمەيدۇ.

بالام، ئاللا ئۆز كەرىمى بىلەن ھەممە نەرسە ئۈچۈن ۋاسىتە ياراتتى. ئەقىلنى تەرەققىياتى ئۈچۈن، پىكىر قىلىشىڭ ئۈچۈن دۇنيانى ياراتتى، دۇنيانى بىلىشىڭ ئۈچۈن ئوقۇشنى ياراتتى. ئاللانىڭ «ئوقۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئوقۇ، ساڭا قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى» دېگەن ئەمىرگە ئەمەل قىلغايسەن. ئوقۇپ بىلىم ئېلىشنى ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىغا ۋاسىتە قىلغان. ئوقۇمىساڭ ئەقىل چىرىغىڭ مەڭگۈ يورۇمايدۇ. ئاللا كەرەملىكتۇر، دېگەن ئەمىر بىلەن «ئوقۇ» دېگەن ئەمىرنىڭ بىللە ئېيتىلغانلىقىنى چۈشەن.

بىز ئۆز دەۋرىدە مۇشۇنداق ئۇلۇغ تەلىم-تەربىيەلەرنى بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز، يۈسۈپتەك ئۇلۇغ ئاقىللارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز دەۋرىدە ئەقىل-پاراسەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرالغانلىقى ۋە ھازىرقى دەۋردىمۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۈلگىسى بولالغانلىقى تەلىم-تەربىيەنىڭ شان[Footer] 162

بەت 171

شەرىپىدىن بولغان، دەپ قارايمىز.

بىز ھازىرقى ئەقىل كۈچىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا ئەڭ كەينىدە تۇرىدىغانلىقىمىزنى تەن ئېلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەقىلنىڭ رولىغا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، مائارىپ پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى شۇئارى ئەقلىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان ئىزباسارلارنى تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ھازىرقى ساپا مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ئالدىغا قويغان بىرىنچى ۋەزىپىسىمۇ ئەۋلادلارنىڭ ئەقىل بۆلۈمىنى ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەسمۇ؟ بىز ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا تۇنجى ئاساسنى سالغۇچىلار، ئەگەر بۇنىڭغا سەل قاراپ پەرزەنتلىرىمىزنى يارامسىز ئادەم قىلىپ قويساق، بالىلارنىڭ جىنايەتكارى بولۇپ قالىمىز. ئەقىلنى نابۇت قىلغان ئادەم مىڭ ھەسسە قاتىلدۇر. بالىلار ئەقلىي تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىسە تىرىك ئۆلۈك بولۇپ قالىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ. ئەلگە يۈك ۋە ئاپەت بولىدۇ. بۇنداق يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا قايسى ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىدىن تانالايدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى خاتا-ئازغۇن تەرغىباتلارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم. كلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كىچىكىدە خاتا ئەقىدە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، شۇنىڭ ئاسارىتىدىن ئۆمۈر بويى قۇتۇلالماي چۈشكۈنلۈك بىلەن ئۆتكەن نۇرغۇن كىشىلەرنى بىلىمىز. كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردە ئەقىل تەرەققىياتىغا ئېتىبار بېرىلمىدى، ھە دېگەندە ئىلاھىي ئىشق تەرغىباتى بازار تاپتى، ئاقىۋەتتە خەلق توقمۇشلۇق زىيالىيلارمو تەرەكسىدۇنيالىق يولىغا سۆرەپ كىرىلىپ، ئاسىي بولۇپ كەتتى. ئۇلۇغ ئالىم ۋە شائىر ئەلىشىر ناۋائىي كىچىك چاغدا پەرىددۇن ئەتتارنىڭ: «مەنتىقۇتتەير» دېگەن تەسىرۋۇپ ئىدىيىسى بىلەن سوغىرىلغان ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەلىشەردە بالىلار بىلەن ئوينىمايدىغان،

بەت 172

يالغۇزلۇق خالايدىغان، جىمغور، چۈشكۈن بىر ئەھۋال شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئەھۋالنى ئەسلەپ ئۆزى مۇنداق يازغان: بالىلىق چېغىمدا… بالىلار دەرسنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپتىن بىر ئاۋاز چىقىراتتى. دەرسنىڭ ئازابىدىن «يا خۇدا» سۆزىنى تەكرار ئېيتىشتىن بەزگەنلىرىمدە، مۇدەررىس ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن شېئىر ئوقۇتار ئىدى. ئۇ چاغدا مېنىڭ ھەۋەسمەن تەبىئىتىم «مەنتىقۇتتەير»نى ئەستە تۇتتى. «مەنتىقۇتتەير»نى ئاستا-ئاستا تەكرارلاش نەتىجىسىدە ساددا كۆڭلۈم ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بەھرە ئالدى. تەبىئىتىم بۇ سۆزلەرگە ئاشنا بولغاچقا، باشقا سۆزلەرگە مەيلىم قالمىدى. كىتابنىڭ ھېكايىلىرىگە ۋە قوش تىلى بىلەن قىلىنغان كىنايىلىرىگە كۆنۈكۈپ كەتتىم. بىرەر سۆزدىن تەبىئىتىم ئېچىلسا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ نېمىلىكىنى تېپىشقا ئىنتىلەتتىم. بۇ كىتابنى ئوقۇش زوقى مېنى خۇش قىلار ئىدى، بىراق ئۇنى ئىزھار قىلالماس ئىدىم. بۇ كىتاب يالغۇز چاغلىرىمدا دوست بولدى. كىشىلەرنىڭ ئاددىي سۆزلىرىنى ياقتۇرماس بولدۇم. بۇنداق ئەھۋالنى بايقان بالىلار چۆچۈشتى. شۇپ، گەپ-سۆز قىلىشقا باشلىدى. بۇ سۆزلەردىن ئاتا-ئاناممۇ خەۋەر تاپتى. ئۇلار مەندىن كۆپ ئەنسىرەپ، گويا بىلىمسىز كىشىلەردەك ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالدى، ئۇلار مېنى ئېلىشىپ قالىدۇ، دېگەن ئەندىشە بىلەن، كىتابنى يوقىتۇەتتى - دە، بۇ كىتاب بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن مېنى مەھرۇم قىلدى… مەن بۇ شېئىرلارنى يادلىۋالغانىدىم، ھەرۋاقىت ئۇلارنى يوشۇرۇنچە تەكرار قىلۇر ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا سۆزگە مەيلىم ئاز بولۇپ، قوشلار مەنتىقىسى بىلەن مەشغۇل ئىدىم.» بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، تەلىم-تەربىيە ئىشىدا بالىلارنىڭ قەلب ئېتىزى تېخى ئاپئاق بولىدۇ، ئۇنىڭغا قانداق خەت يېزىلغان بولسا ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. كىتاب ئوقۇتقاندىمۇ كىتابنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بالىلاردا ئۆ[Footer] 164

بەت 173

مەد، ئىشەنچ، شىجائەت بېغىشلايدىغان، تەپەككۇر قىلىشقا، ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇشقا ئىشتىراك قىلىش كېرەك. چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك روھى بىلەن سۇغىرىلغان كىتابلار بالىلارنى نابۇت قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشىدىن قارىغاندا، ئۇ يامان تەسىرگە ئۇچرىمىغان، يامان تەربىيە سىڭدۈرۈلمىگەن. ئۇ ناھايىتى ساغلام، ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە سۆيگۈ بىلەن تەربىيەلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئىدىيەسى شۇنداق ئەركىن ۋە ھۆر، تەپەككۇرىمۇ شۇنداق ئازادە، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ھېسسىياتىنىڭ دۇنياسىنىڭ، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ جۇشقۇن قايناملىرىدا قانات قاققانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ھەربىر تىندىملىرىدا ھاياتقا بولغان سۆيگۈ، مۇھەببەتنىڭ ھارارىتى تەپچىرەيدۇ، ھەربىر مىسراسى كىشىلەرنى تۇرمۇش ساھىلىغا باشلايدىغان ماياك بولىدۇ. ①

ھاياتنى سۆيۈش ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇش ئارقىلىق كۆرۈنىدۇ. ئادەم ئۆزىنى قانچىلىك سۆيسە، ئۆزىدىن قانچىلىك مەمنۇن بولسا، ئۆزىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىمكانىيەت تاپالايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئۆزىنى خار قىلسا، دۇنيادىكى ئورنى ۋە قىممىتىنى، نېمە ئۈچۈن دۇنياغا يارالغانلىقىنى بىلمىسە، ئۆزىدىن شۇنچىلىك يىراقلاپ ياتلىشىپ كېتىدۇكى، ئۇنىڭ كۈلپىتى بەك ئېغىر بولىدۇ. نۇرغۇن بالىلار مۇشۇ ئۆتكىلدىن ئۆتەلمەي نابۇت بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ھاياتنىڭ بىر تەرىپىدە ئەجىر - مېھنەت بولسا، يەنە بىر تەرىپىدە راھەت - پاراغەت بار. قىزىق يېرى، ئەجىر - مېھنەت بار يەردە ئادەمنىڭ ئۆزى بار، قىممەت ۋە مەمنۇنلۇقلار بار، راھەت - پاراغەت مەپتۇن قىلغان يەردە ياتلىشىش، خارلىق ۋە نابۇت بولۇش بار.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇ ئۆتكىلدىن ئۆتۈشۈپ ئۆتكەن.

① بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى خالىمىگىز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «تۇغلۇق تالايغا قارا» دېگەن كىتابنىڭ 3 - بابىنى ئوقۇپ كۆرۈڭسىز.

165

بەت 174

ئۇ ھاياتنى مېھنەت ئۈچۈن يارىتىلغان ھايات، دەپ چۈشەنگەن. ئۇ مانا شۇ مېھنەت ئىچىدە ئىزدەمەكچى بولغان ئەسلى بەختنى تاپالغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان. بىر قىسىم ئەجرى مېھنەتسىز ھاياتنىڭ قىممىتىنى كېيىپ - ساپادىن ئىزدەمەكچى بولغان كىشىلەردىن ئېچىنغان.

2841 ئۆمۈرگە نە ئەپسۇس، ئەمگەككە ئېسىت، ئەمگەكسىز ئۆتكەن بۇ ئۆمۈرگە ئېسىت.

5317 جاھان تاتلىقى بارچە ئاچلىق ئېرۇر، ھۇزۇرى، سۈيۈنچى قىيىنلىق ئېرۇر.

يۇقىرىقى بېيىتلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھايات توغرىسىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئۆلۈم ئەپسۇسلىنارلىق ئەمەس، مېھنەتنىڭ زايا كېتىشى ئەپسۇسلىنارلىقتۇر؛ ھاياتقا ئەپسۇسلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمگەكسىز ئۆتكەن ھاياتقا مىڭ ئەپسۇس قىلىش كېرەك دەيدۇ. دۇنيانىڭ توقلۇقى، راھەت - پاراغىتىنى ئىزدەشنىڭ ھەممىسى ئاچلىقنىڭ ئىپادىسى، ئۇ كىشىگە ھەقىقىي سۈيۈنچ، توقلۇق ئاتا قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئەمگەكتە. ئەمگەكسىز ھاياتنىڭ قىممىتىمۇ، مەنىسىمۇ، ھۇزۇرىمۇ يوقتۇر. ئەمگەك ئارقىلىق ئاللا ياراتقان چەكسىز نېمەتلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان مەمنۇنلۇق ھەقىقىي مەمنۇنلۇق بولىدۇ. ئۇنداق بۈيۈك نېمەتلەرنى ھېس قىلمىغان ئادەم، ياستۇق قىرلاپ يېتىپ قانداقمۇ مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى ئويغانسۇن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپتا ئويغانغان مۇنداق مەمنۇنلۇق ئېقىمنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، ئۇنىڭغا كىچىكىدىن تارتىپ بېرىلگەن ئەمگەكنى سۆيۈش، ئەمگەكنى ئۇلۇغلاش، ئەمگەك بىلەن چېنىقتۇرۇش تەرىپى[Footer] 166

بەت 175

جىسمىنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ پۈتۈن لەززىتىنى ئەمگەككە باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان مۇكەممەل ئەقىدە ۋە پەلسەپىۋى چۈشەنچە پىشىپ يېتىلگەن. ئەمگەكنىڭ ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان نېمىتى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئىنساندا تەمكىن، مەزمۇت، چىرايلىق بىر خىل خاراكتېر يېتىلدۈرىدۇ، تەكەببۇرلۇق ئېتىغا يۈگەن سېلىپ، كەمتەرلىك لىباسىنى كىيدۈرىدۇ. سۆيگۈ، ۋاپادارلىققا ئۆگىتىدۇ. ئەمگەكنى بىلمىگەن، ئەمگەكنى سۆيمىگەن ئادەمدە ئاددىي ئەقىللىق بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ھېسسىياتىمۇ ئويغانمىغان بولىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەمگەكنى ئۇلۇغلاپلا قالماي، بەلكى ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇ مېھنەتكەش خەلقنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەمگىكىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇلارغا كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بېرىدۇ. جەمئىيەتتە ھەربىر كىشىنىڭ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەرقايسى كەسىپ ۋە ئورۇندىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. پادىشاھ ھۆكۈمدار ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەممىدىن ئارتۇق مېھنەت يۈكىنى ئارتقۇچى، دۆلەتتە ئەلدىن ئىبارەت پۇقرالارنىڭ «پادىچىسى» دەپ قارايدۇ. باشقا ئوردا ئەمەلدارلىرىنى مانا شۇ پادىشاھنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى، ئىش بېجىرگۈچىلىرى قاتارىدا سۈپەتلەيدۇ. ۋەتەن - خەلقنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈۋاتقان، زېمىنغا جان كىرگۈزۈۋاتقان دېھقان، چارۋىچى، قول ھۈنەرۋەنلەرگە، شەرقنى غەربكە تۇتاشتۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت ئەلچىلىرى سودىگەرلەرگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەدھىيە ئوقۇيدۇ:

«كىشىلىك ھاياتتا ئىنتايىن كېرەكلىك يەنە بىر تەبىقە بار، نەپەس ئېلىۋاتقان، قىمىرلاپ تۇرغان جانلىقلار ئۇلارغا مۇھتاج. ئۇلارنى تېرىقچى دەيمىز. سەنۇ ئۇلارغا مۇھتاج بولماي قالمايسەن، ئاش - ناندىن غەمسىز ياشاي دېسەڭ، ئۇلار بىلەن ياخشى ئارىلاش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بول. تامىقىم پاك، ئىشلىرىم ھالال

بەت 176

بولسۇن دېسەڭ، ئۇلارغا دۇرۇس مۇئامىلە قىلىشنى بىل. تەقۋادار كىشىلەر بۇ توغرىدا: ئەستايىدىل، توغرا يول تۇتاي دېسەڭ، گەپ-سۆزۈڭنى پاك تۇت، ھەقىقىي تەقۋادارلىق تونىنى كىيەي دېسەڭ، يېمەك-ئىچمىكىڭ، كىيىم-كېچىكىڭ ھالالدىن پۈتۈنلەنسۇن، دېيىشكەن. تەپرىقچىلارنىڭ قولى ئوچۇق كېلىدۇ، كۆڭۈل-كۆكسى خۇدا بەرگەننىڭمۇ زىيادە كەڭ تۇتۇلىدۇ. ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ، يۈزۈڭنى يورۇق تۇتۇپ، ياخشى سۆز قىل.»

«ئېلىم-سېتىم بىلەن تاپاۋەت قىلىدىغان بىر گۇرۇھ بار، ئۇلار تىجارەتچىلەردۇر. ئۇلار ئەقىل ۋە دىلنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن جاھان كېزىپ يۈرىدۇ. بۇ دۇنيادا سەن ئارزۇ قىلغانلىكى نەرسىلەر بۇلاردىن تېپىلىدۇ. ئەلنىڭ ماددىي بېزەكلىرى، تاللانغان ئېسىل نەرسىلەر ئۇلاردا بولىدۇ. ئۇلار شەرق تىن غەربكە كېزىپ يۈرۈپ، ساڭا كېرەكلىك بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر، مىڭ تۈرلۈك تاۋار-دۇردۇنلار ئۇلاردا بولىدۇ. قاراپ باق، جاھانكەزەر سودىگەرلەر بولمىغاندا كىشىلەر قارا سۇسەر جۇۋىنى قاچان كىيەلەيتتى؟ قاچان كارۋان چاق-توزان توزۇتۇپ كارۋان تارتىمىغان بولسا، تۈمەن خىل تاۋار-دۇردۇنلار قاياقتىن كېلەتتى. ئۈنچە-مارجان، تىزىقلارنى كىممۇ كۆرەلەيتتى؟! ئۇلارغا دائىم ئىشىكىڭنى ئوچۇق قىل، مۇئامىلىدە ياخشى بولۇشقا تىرىشقىن.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ چارۋىچىلار ھەققىدە توختالغاندا: «ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئېغىرى چۈشمەيدۇ، ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا، راستچىل كىشىلەردۇر. ئۆيۈڭنىڭ بېساتى بولىدىغان يۇڭ، كىگىز، پالاسلار شۇلاردىن كېلىدۇ، يېمەك-ئىچمەككە لازىملىق قىمىز، سۈت، ماي، سۈزمە ۋە قۇرۇتلار شۇلاردا بولىدۇ، مىنىشكە ئات-ئۇلاق، يۈك توشۇشقا لازىملىق تۆگە، قويلارنى شۇلار تەمىنلەيدۇ. ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ يېمەك-ئىچمىكىڭنى ئايىما.» ھۈنەرۋەنلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «تۇرمۇشۇڭنىڭ

168

بەت 177

زىننىتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بىر تەبىقە بار، ئۇلار تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھۈنەر - سەنئەت بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ھۈنەرۋەنلەردۇر. ئۇلارمۇ ئىنتايىن كۆپ خىللىققا ئىگەدۇر. تۆمۈرچى، موزدۇز، تىكۈچى، كۆنچى، سىرچى، بوياقچى، ئوقچى، ياچى دەيلى، سانسام سان - ساناقسىزدۇر. دۇنيادىكى تالاي قالارلىق ئىشلار شۇلارنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. ئۇلار بىلەن دۇرۇس مۇئامىلىدە بول، ھەققىنى تولۇق ئادا قىل.»

بىز يۇقىرىقى بايانلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مېھنەتكەش خەلق ئاممىسىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن قويۇق باردى - كەلدى قىلغانلىقىنى، كىچىكىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن تۇرغانلىقىنى پەرق قىلالايمىز. شۇڭىمۇ ئۇنىڭدا ئۇلارغا نىسبەتەن ئاشۇنداق يۈكسەك مۇھەببەت ئويغانغان، ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتلىقتا ئويناۋاتقان رولىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۇلاردىن قەلب رىشتىنى ئۈزمىگەن. ئۇ ھەر دائىم ئۇلارنىڭ غېمىنى يېگەن، شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن سۆزلىگەن، قولىدىن كېلىدىغانلىقى ياخشىلىق بولسا ئۇلاردىن ئايىمىغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ خەلقنىڭ ئۆز دەردىنى يۈرەكلىك ئېيتالايدىغان باشپاناھىغا ئايلانغان.

بىز بىلىمىز، ئەمەلدارلىقنىڭ سېھرىي كۈچى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇش ئازابى ناھايىتى ئېغىر. بايلىق تەمەنناسى، كىشىلەرنىڭ خوشامەتتىن ئېگىلگەن قەددىلىرى نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى مەستخۇش قىلىۋەتكەچكە، ئۆزىنى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئادەم ھېسابلايدۇ. باشقىلارنىڭ ماڭا ئېگىلىپ قۇللۇق بىلدۈرۈش قەرزى بار، مەن ئۇلارغا ئادىمىيەتكە ھەقلىق، دەپ خەلققە بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەن تەبىقە خەلقنى ھەتتا ئادەم قاتارىدىمۇ كۆرمەيدۇ، ئۇلارغا ئىتتەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولسىلا، خەلقنىڭ ئۆلە - تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ.

169

بەت 178

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق نۇتۇقخور ئەمەلدارلارغا قارىتىپ مۇنداق دېگەن: «ئەمەلدار بولۇشنىڭ دەسلىپى نېمىدېگەن ياخشى، ئاخىرى نېمىدېگەن يامان.» بۇ دېگەنلىك، ئەمەلدار بولغاندا دەسلەپ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، لېكىن ئۇنى جايىدا ئادا قىلالمىغاندا، ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەندە، خۇدانىڭ غەزىپىگە يولۇققاندا، ئۇنىڭ ئازابى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. ئالدىنقى ھۇزۇر بىردەملىك، ئازاب مەڭگۈلۈك بولىدۇ. شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرۇپ شۇنداق دەيدۇكى: «سىلەردىن بىر كىم پۇل-مال ۋە چىراي-شەكىل جەھەتتە ئۆزىدىن ئۈستۈن ئادەمگە نەزەر سالغاندا، ئۆزىدىن تۆۋەن ئادەمگە قارىسۇن.» يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرز-دادىغا قولىنى يوپۇرۇۋالغان ئەمەلدارنىڭ ئەرز-دادىغا قىيامەتتە ئاللامۇ قولىنى يوپۇرۇۋالىدۇ.» ① قاراخانىيلاردا پەرەنتىلەرنىڭ خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىشىغا يول قويىمىغان، شەھەر بالىلىرى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ مىسچاق ئادەم بولۇپ قېلىشىنى ئۆنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئۇلارغا ئەھمىيەتلىك ياشاش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلاپ بەرگەن.

مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئەسىرىدىن تۇرمۇشتا قانچىلىك پىشقانلىقىنى، مېھنەتكەشلەر بىلەن قانچىلىك چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆرەلەيمىز. مەھمۇد قەشقەرى بىر قىسىم سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلاش زۆرۈرىيىتىدىن خېلى كۆپ ھۈنەر-سەنئەتلىرى، ئۇنىڭ ياسىلىشى، تاماغلارنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇللىرى ۋە خورۇچلىرىغىچە تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. بىز ئۆرنەك ئۈچۈن بىر قانچە مىسال كەلتۈرىمىز.

«بۇخسى بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئىسمى. بۇ يېمەكلىك مۇنداق تەييارلىنىدۇ: قاينىتىپ ئېلىنغان بۇغداينىڭ ئۈستىگە بادام

① بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىس. 170

بەت 179

مېغىزى سېلىنىدۇ، ئاندىن ھەسەل ۋە سۈت بىلەن قىلىنغان بولماقنى قويۇپ، شۇ پېتى ئېچىتىلىدۇ. تەييار بولغاندا بۇغدىيى يېيىلىدۇ، سۈيى ئىچىلىدۇ. (1 - توم، 551 - بەت).

قارا سۆزىنى ئىزاھلاپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قارا ئەتمەك، ناننىڭ بىر خىلى. بۇ مۇنداق تەييارلىنىدۇ: گۆش ئېزىلگۈچە پىشۇرۇلىدۇ، كېيىن ئۈستىگە سېرىق ماي، شەكىر قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇلغۇچە قاينىتىلىدۇ، ئاندىن يېيىلىدۇ. (3 - توم، 307 - بەت).

يالما - يېپىنچا، يامغۇرلۇق. پارسلار بونى تۈركلەردىن ئېلىپ «يەلمە» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەرەبلەر پارسلاردىن ئېلىپ «يەلمۇق» شەكىلدە قوللىنىدۇ. ئەرەبلەر «ھ» نى «ق» غا ئايلاندۇرغان… ھېچكىم بۇ سۆزنى تۈركلەر پارسلاردىن ئالغان دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مەن بۇ سۆزنى ئەڭ يىراق چېگرادا ياشىغۇچى قارا تۈركلەردىنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قار - يامغۇر كۆپ ياغقاچقا ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا يامغۇر يېپىنچىلىرىغا كۆپرەك مۇھتاج ئىدى.» (3 - توم، 44 - بەت).

يۇقىرىقىغا ئوخشاش مەلۇماتلار «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ناھايىتى كۆپ. توقۇمىچىلىققا، قول ھۈنەرۋەنچىلىككە دائىر مەلۇماتلارمۇ خېلىلا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، نەچچە يۈزلىگەن ماقال - تەمسىل، شېئىر - قوشاقلار، ئەپسانە - رىۋايەتلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇنداق باي ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە، پەزىلەتلىك، ئەزەلدىن خەلقنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغان مەھمۇد قەشقەرى، ئۇنىڭ تىل مەدەنىيىتىگىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلايدۇ. چۈنكى ئۇ تۈركىي تىلىنىڭ ئەۋزەل، مەدەنىي تىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئىپتىخار بىلەن «ئەرەب تىلى بىلەن تۈركىي تىلىنىڭ خۇددى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى» پەخرلىنىش بىلەن جاكارلاشقا ھەقلىق بولىدۇ. خەلقنى چۈشەنگەن، ئۇلار بىلەن

171

بەت 180

چوڭقۇر ئارىلىشقان ئادەم ئاندىن خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلالايدۇ. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى چۈشەنگەندىلا، شۇ مەدەنىيەتنى چىن دىلىدىن سۆيەلەيدىغان ئەقىدىگە ئېرىشەلەيدۇ. مىللىي مەدەنىيەتتىن خەۋەرسىز، مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز ئادەمدە، مىللىي مەدەنىيەتكە نىسبەتەن مۇھەببەتنىڭ ئويغىنىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق كىشىلەردە مىللىي غۇرۇرمۇ بولمايدۇ. مىللىي مەدەنىيەتتىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەم ئەمەلىيەتتە مىللىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمىدۇر. ئۇنداق ئەۋلادتىن قانداقمۇ ئىپادىلىق، ساداقەتتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن.

بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار قەدىمكى پەرەزەنت تەربىيەلەش ئەنئەنىسىدە بالىلارنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يېقىنلاشتۇرغان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلاشتۇرغان، ئۇلارنىڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا قاتناشتۇرغان، مىللەتنىڭ شانلىق تارىخىدىن مۇكەممەل چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلغان. شۇڭا ئۇ بالىلار قەددىنى تىك تۇتۇپ، مەن ئۇيغۇر پەرەزەنتىمەن، دەپ ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن، مىللىي غۇرۇرغا ئىگە بولغان. ئەگەر بالىلاردا مىللىي مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىنى بەرمەي، ئۇلارغا ئەجدادلارنىڭ تارىخىنى بىلدۈرمەي، خەلقنى ھەقىقىي چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلماي تۇرۇپ، بالىلاردا مىللىي غۇرۇرنى ئويغىتىش، مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغىتىش ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئائىلە تەربىيىسىدە بولسۇن، مەكتەپ تەربىيىسىدە بولسۇن، بالىلارغا بولغان مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي غۇرۇر تەربىيىسىگە ئاساسەن ئېتىبار بېرىلمىدى. نۇرغۇن شەھەر بالىلىرى يېزىلارنى چۈشەنمەيدۇ، يېزا بالىلىرى شەھەرلەرنى چۈشەنمەيدۇ. ئۆيمۇ تۆت تامنىڭ ئارىسى، مەكتەپمۇ ئىككى تامنىڭ ئارىسى. بالىلارنى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرمىدۇق. شەھەرلەردىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەتتا بىر

172

بەت 181

قانچە تۈرلۈك گۈلنى تونۇپ، نامىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۈزەللىك تۇيغۇسىدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ قالغان. بەزى بالىلار يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرگەن دېھقانلار بىرەر كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا چىقىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قېلىشتىن، بىللە ئولتۇرۇپ قېلىشتىن شۇنداق بىزارلىق ھېس قىلىدىكەن. ئومۇمەن، ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەنئەنىدىن ئېغىر دەرىجىدە ياتلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنىڭ سەۋەبى، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدا، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ كۆزگە ماسكا تارتىپ قويۇپ قارىغۇلارچە ئوقۇتۇۋاتقانلىقىدا. بىز بالىلارغا ئۆزىمىز چۈشەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن مەيلى مەدەنىيەتكە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغاتماي تۇرۇپ، ئۇ بالىلارنى ياتلىشىپ كەتتى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ، دەپ ئاغرىنىشقا ئاساسىمىز يوق. بالىلارنىڭ كۆزىنى ھەقىقىي ئاچمىساق، ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى قۇم باسدۇ. بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالاركىن.


11 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئىدېئولوگىيىلىك يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ھاياتنى، دۇنيانى، تۇرمۇشنى سۆيۈش، ئۇنىڭغا چىن ئەقىدە بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىلەن، دۇنيادىن بىزار بولۇش، دۇنيانى قارىلاش، تۇرمۇشتىن يۈز ئۆرۈش، ئۆزىنى ھايات قاينىمىدىن قاچۇرۇپ، خىلۋەتكە، تەركىدۇنيالىققا ئۆزىنى ئۇرۇشتەك ئىككى خىل ئىدېئولوگىيە بىر- بىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقاندى. بىرى، تەرەققىياتقا، گۈللىنىشكە، ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىنسانىي قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرۇشقا يول ئاچسا، يەنە بىرى، جەمئىيەتنىڭ خارابلىشىشىنى، ھالاكەتنى

بەت 182

تېزلىتىدىغان، تەرەققىياتنى بوغىدىغان، ئىنساننىڭ ئىزدەنىش يوللىرىنى قامال قىلىپ، ئىنسانىي ماھىيەتكە ئاسىيلىق قىلىشقا يۈزلەندۈرەتتى. بۇ خىل ئىككى يول ئارىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئۆچۈرلار ئائىلە تەربىيىسىدە بولسۇن، مەكتەپ تەربىيىسىدە بولسۇن بالىلارغا قانداق ئەقىدىنى سىڭدۈرۈش، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى جىددىي مەسىلە ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ناھايىتى ئىلغار ئىدېئولوگىيە بىلەن تەربىيىلەنگەن. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى يامان، ئازغۇن ئىدېئولوگىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. شۇڭا، ئۇ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، خاتا، ئازغۇن ئەقىدىچىلەر بىلەن كېسكىن كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى، مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشقان.

«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى مەزمۇنى تەركىدۇنيا، زاھىد ئۆدغۇرمىش بىلەن بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا، توغرا ئېتىقاد، خاتا ئېتىقاد، دۇنيانى سۆيۈش، دۇنيانى تەرك ئېتىش، ئازغۇن ئىبادەت، توغرا ئەقىدە قاتارلىق دىنىي ئېتىقادقا ياتىدىغان نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆتكۈر، ئۆزۈل-كېسىل مۇنازىرىگە ئورۇن بېرىلىدۇ. بۇ مۇنازىرە داۋامىدا ئىلغار دۇنيا قاراش غالىب كېلىدۇ. بىز ئەسىردىكى كۈچلۈك ئىلمىي دەلىللەردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتقا، دۇنياغا، تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر ئەقىدىسىنى كۆرۈۋالالايمىز.

كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆدغۇرمىشنى تاغدىن قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مۇنداق مەزمۇندا نامە يازىدۇ: «سۆزۈمنى ئايغۇچى ۋە كۆيۈنگۈچى ئاللانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. ئاللانىڭ نامى ھەر قانداق دەردنىڭ شىپالىق دورىسى، قۇدرىتى چەكسىز پەرۋەردىگارىمىز مىڭ مەرتىۋە مەدھىيىلەرنى ئوقۇيمەنكى، ئۇ ئۆز ئىىرادىسى بويىچە بارلىق جانلىقلارنى ياراتتى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن رىزىق بەردى.

174

بەت 183

دى. ئۇ ھەممىگە قادىر، ئۇنىڭ قانۇن - پەرمانىنىڭ قۇدرىتى بارلىق خەلققە يېتىدۇ. ئۇ زۇمرەتتەك ئاسماندا كۈن بىلەن ئاينى يۈرۈتۈپ، قارا تۈن، يورۇق كۈنلەر ھېسابىغا يىللار ۋە ئايلارنى تەرتىپلىدى. ئۇنىڭ ھۆكمى، تەقدىرى بىلەن پەلەك چۆرگىلەيدۇ، مەۋجۇدات مىدىرلايدۇ. ئۇ يارىتىشتىن بۇرۇنلا قازايى تەقدىرنى ياراتتى. قازاغا رىزا بول، بويۇن ئەگ. ئۇ نېمىنى ئىرا دە قىلغان بولسا قىلدى، نېمىنى ئىرا دە قىلسا قىلىلايدۇ، نېمىگە ئەمەر قىلسا شۇنداق بولىدۇ، نېمە دېسە شۇ بولىدۇ.

ئەمدى مەندىن ساڭا سالام، كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ساڭا نامە يازدىم. ئالدى بىلەن ئېسەنلىكىڭنى سورايمەن. زاماننىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى يۈدۈپ، تېنىڭ ساق - سالامەت ۋە ئامان - ئېسەن تۇرۇۋاتامسەن، مەن سېنىڭ دۇنيادا كەمىدىن - كەم تېپىلىدىغان ياخشى خۇلق، پەزىلەتلىرىڭدىن ۋاقىپ بولدۇم. خۇدا ساڭا مېھىر - شەپقەت قىلىپ شۇنچە ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىم - پەزىلەت ئاتا قىپتۇ. ئەي گۈزەل، چىرايلىق دوستۇم، سېنىڭ مۇنداق ياخشى تەربىيەنى ئاڭلاپ، قەلبىمنى ساڭا ئېچىش ئارزۇسى ئۈزۈلمىدى…

سەن يېقىن قەۋم - قېرىنداشلىرىڭنى تەرك ئېتىپ، ئەل - يۇرتتىن يۈزۈڭنى ئۆرۈپ، يالغۇز تاغقا چىقۋېلىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋېتىپسەن. قەۋم - قېرىنداشلار ساڭا نېمە قىلغان؟ ! ماڭا ئېيت. ئۇلاردىن نېمىشقا باش تارتتىڭ؟ زورلۇق - زومبۇلۇقتىن ئەلەم تارتىقان بولساڭ، ماڭا كېلىپ ئېيتىقن. مەن ساڭا كۈچ ۋە ئادالەت بېرەي. خۇشال - خۇرام، شادلىقتا ياشا. دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا مېھرى - شەپقەت يەتكۈزۈشۈپ، ئۇقۇشنىڭ پايدىسىنى كۆر. ئۇلار بىلەن ئىنساننىڭ كۈنى لەززەتكە تولىدۇ. شۇڭا شائىرلار قۇغۇن يەر بىلەن يېشىل سۇ كېلىشىپ ياراشقانلىقى ئۈچۈن زېمىندا سېلىنغان گۈل - چېچەكلەر كۈلۈپ ئېچىلدى، دېگەن. قەيەردە ئىناقلىق ۋە يېقىنلىق

175

بەت 184

بولسا، شۇ يەردىكى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. دوست - بۇرادەرلەر يارىشىپ ئۆتۈشسە، بۇنىڭدىن دوستلار خۇرسەن بولىدۇ. ئەگەر تائەت - ئىبادەت ئۈچۈنلا تاغقا چىققان بولساڭ، دەرھال قايتىپ چۈشۈپ، ئىبادەتنى شەھەردە قىلساڭمۇ ھەقىقىي دىن يولىنى تۇتقان بولىسەن. يىگانىلىقتا قىلغان ئىبادەتنىڭ شەھەردە جامائەت بىلەن بىللە قىلغان ئىبادەتتىكىدەك خاسىيەتلىك بولمايدۇ. ئىبادەتنى كامالغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، كۆپلەپ بىلىم ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈشەنسەڭ، بىلىمسىزلىكتە قىلغان ئىبادەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئىككى تۈرلۈك ئادەم ھەقىقىي ئادەم ھېسابلىنىدۇ، بىرى ئۆگەتكۈچى، يەنە بىرى ئۆگەنگۈچى. بۇنىڭدىن باشقىسىنى ھايۋان سانساڭ بولىدۇ، قايسىسىغا تۇرساڭ ئىختىيارىڭ. قېنى ماڭا ئېيت، سەن قايسىسىغا تۇرىسەن، مەيلى قايسىسىغا تۇرساڭ تۇر، ئۈچىنچىسىدىن يىراق بول. زور مۇشەققەت بىلەن بىلىم تەھسىل قىلغان بولساڭ، ئەمدى ئۇنى ئەجىر بىلەن جايىدا ئىشلەتكىن. ئەگەر ئىلىمدە كەم تەرەپلىرىڭ بولسا، ئاۋۋال بىلىمىڭنى تولۇقلاپ، ئاندىن ئىبادەتكە قەدەم قوي. بىلىملىك، تائەتمەن ئۇستازلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: (ئاللانىڭ ئىبادىتىگە بىلىم بىلەن يارىغىن، بىلىم دوزاخنىڭ ئىشىكىنى پېچەتلەۋېتىدۇ.) بىلىپ قىلغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى ئۆزە، بىلىمسىزلىكتە قىلغان ئىبادەتتىن ساۋاب كۈتمە. نادانلىقتا قىلغان ئىبادەتتىن كۆرە، بىلىملىك ئادەمنىڭ ئۇخلىغىنى ئەۋزەل.

سەن (زاھىد) لىق نامىنى يۈدۈپ تاغقا چىقىپ، ئۆزۈڭنى تائەتكە غەرق قىپسەن. ئۇ يەردە قىلغان ئىبادىتىڭ بىلەن شەھەر - كەنتتە قىلغان ئىبادەتنىڭ يېرىم ساۋابىغىمۇ ئېرىشەلمەيسەن. چۈنكى، بۇ يەردە ئىبادەت دېگەن بەكمۇ تولا. ئۇ يەردە قىلىدىغان تائىتىڭ ناماز ئوقۇماق بىلەن روزا تۇتماق تايىنلىق، ئۇنىڭدىن باشقا تائىتىڭ بولسا قېنى ماڭا ئىزھار قىلىپ باققىن. ئەگەر شۇنىڭغىلا تەمەننا قويۇپ ئۆتۈدىكەنسەن، ئوشۇق گەپنىڭ

بەت 185

ھاجىتى يوقكى، بۇنداق ئىبادەت پۈتۈنلەي بوشقا كېتىدۇ. توغرا، ئىبادەت دېگەننى قانچىلىك قىلساقمۇ يەنە ئازلىق قىلىدۇ، لېكىن تائەتنى يوشۇرۇن تۇتۇپ قىلغان تېخىمۇ ياخشى. ئادەمنىڭ ياخشىلىرى تائەت - ئىبادەتنى ئەلدىن يوشۇرۇنچە قىلىدۇ. ساڭا ئۆزۈمنىڭ يوشۇرۇن سىرىمنى ئاشكارىلىمەيدىغان بولدۇم. ھەي مەرد ئوغلان، مەرد ئەرلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى يوشۇرۇيدۇ، يۈز يىل ئىبادەت قىلىپمۇ ئۇنى ئاز سانايىدۇ. بۇ ياققا كەلگىن، بۇ يەردە قانچىلىك ئىبادەت قىلساڭ قىل، بۇ يەردە پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكى ساڭا ئوچۇق. بۇ يەردە تۇل خوتۇن، يېتىم بالالار، ئەما، پالەچ، مەجرۇھلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، دىلىنى سۆيۈندۈرگىن. بىلسەڭ، پېقىرلار ئۈچۈن جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇغان جۈمە نامىزى ھەج قىلغان بىلەن باراۋەر. قولۇڭدىن كەلسە، ھالالدىن مال - دۇنيا تېپىپ، يوقسۇللارغا تۆلەشتۈرۈپ بەر، ئەلنىڭ يولىچۇكى بولۇپ، قولىنى تۇتقىن، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تائەت ئەمەسمۇ؟ سەن بولساڭ شۇنچە ساۋابلىق ئىشلارنى قايىرىپ قويۇپ، ئۈزۈك بالغۇز روزا - ناماز بىلەنلا ئۆتۈسەن. روزا - نامازلىرىڭ پەقەت ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈندۇر. ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنلا ياشىغان ئادەمدە قەلب بولمايدۇ. مېھرىبان ياخشى كىشى شۇنداق دۇرۇس ئېيتقانكەن: (ھەقىقىي ياخشى ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قايىرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇشەققەت چېكىدۇ.) گۈزەل قەلبلىك ئادەم يامانلارغا ياخشىلىق يولىنى ئېچىپ بەرمىكى لازىمدۇر، ياشىغانكەن، ئەلگە نەپ بەرمىكى لازىم. ئەلگە پايدىسىز ئادەمنىڭ ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ئەۋزەل. خەلققە ھەقىقىي كۆيۈمچان، ياراملىق ئادەملەر كېرەك. ئادەم تائەتكىلا ئىشىنىپ يۈرىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئاللانىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، ئەگەر سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بەختىنى كۆزلە. بىلسەڭ، ئاللا ھەرگىزمۇ بەندىسىنىڭ ئىبادىتىگە

بەت 186

مۇھتاج ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ بەندىلىكىڭنى ئادا قىلىپ، ياخشى نامغا ئىگە بولۇشنى ئۆزۈڭنىڭ تۈزۈك تائەت - بەندىلىكىڭ قەرزى. بۇ قەرزنى كۆڭۈل قويۇپ ئىبادەت قىلىپ، ئۆلۈڭنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق ئادا قىل. بىلىملىك ئاقىل كىشىلەر: «تائەت - ئىبادەت بىلەن بول، تائەتلىك كىشى ئەزىز، لېكىن تائەتتە بولۇۋاتىمەن دەپ تەمەننا قويۇپ، ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالما» دېگەن.»

ئۆگدۈلمىش ئۆزغۇرمىشقا مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بۇ دۇنيادا يەككە - يىگانە ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللا بۇ ئازابلارنى ساڭا تارتىشقا بۇيرۇغانمۇ، دوزاخنى سەن ئۈچۈنلا ياراتقانمىدى، ئۆزۈڭنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن؟»

ئۆدغۇرمىش مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ يەرگە ئېتىقادىم ئۈچۈن چىقتىم. بۇ ئىشىم ئۆزۈمگە مۇناسىپ كۆرۈندى. بۇ دۇنيانىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ قالغان ئادەم تائىتى بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئىشىنى قىلىپ بولالمايدۇ. پۈتۈن خەلقنىڭ يۈزىگە ئىشىك ياپماي تۇرۇپ، ياراتقۇچى رەسمىگە تائەت قىلغىلى بولمايدۇ. تائەت - ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى پەقەت ھاۋايى - ھەۋەس ۋە نەپسىڭنىڭ بوينىنى سىققاندىلا ئاندىن تېتىيالايسەن. تەقۋادار كىشىلەر شۇڭا: ھاۋا، نەپس دېگەننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، ئۇ بەندىلەرنى يولدىن ئازدۇرىدۇ. ھاۋاغا بېرىلگىنىم، مېنىڭ تۇتقۇنلۇقۇم، نەپسىم تېقىزلىقىمنىڭ قېنىشى - مېنىڭ قۇللۇقۇم. شۇڭا ئەقىلنى ھاۋاغا زالىم، بىلىمنى نەپسكە ھاكىم قىلماق لازىمدۇر، دېيىشكەن… گەرچە خەلق مەندىن پايدا - مەنپەئەت كۆرمىسىمۇ، لېكىن مەندىن ئۇلارغا زىيانمۇ تەگمەيدۇ. دۇنيادىكى ياخشىلىق - يامانلىق، پايدا - زىياننىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. سەن مەندىن يالغۇز تائەتتىن نېمە پايدا دەپ سورىدىڭ، كىشىلەر ئارىسىدىكى پايدا - زىياننىڭ ھەممىسى ساڭا ئايانغۇ؟ تائەت دېگەن قۇللۇقنىڭ ھەققى. شۇڭا، تاغقا چىقىپ كېچە - كۈندۈز ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئادەمگە بەندىلىك، ئاتىقى نېمۇنە بولغان.»

بەت 187

تۇدغۇرمىشنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى قارىماققا دىن يولىنى تۇتۇۋاتقاندەك، تەقۋادارلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دىننىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئاللانىڭ بۇيرۇقىدىن تامامەن ياتلاشقان يول ئىدى. شۇڭا ئۆگدۈلمىش مۇنداق رەددىيە بېرىدۇ:

«دېگەن سۆزلىرىڭ قارىماققا ھەقىقەتتەك تۇرغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە قۇرۇق باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەركىشى نامىم مەڭگۈلۈك بولسۇن، دېگەن ئادەم ھايات چېغىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزمىكى لازىمدۇر. ياخشىلىق دېگەن تىرىكلىكنىڭ بەلگىسى. ئەل ئۈچۈن تىرىكلىكىڭنىڭ ھېچقانداق نىشانى كۆرۈنمىسە، ھاياتلىقىڭدىن قانداقمۇ نىشان بولسۇن؟ ئۆي - ئوچاقلىق، بالا - چاقىلىق بولۇشمۇ ياخشى ئىش. ئەۋلادى يوق دېسە، بىر ئەر ئۈچۈن تولىمۇ سەت ئىش. بۇ توغرىدا كىشىلەر: ئۆيلىنىش دېگەن ئەۋلادنى ئەۋلادقا ئۇلاشنىڭ يولى، ئەگەر نەسىل - نەسەبسىز ئۆلسە، پۈتۈن ئەۋلادى قۇرۇيدۇ، بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ نام - نىشانى قۇرۇق قالىدۇ. ئۆزىدىن ئەۋلاد قالدۇرالمىغان كىشىنى ئۆلدى دېمەي، تىرىك ھېسابلانسا بولىدۇ. ئەۋلادسىز ئادەم ئۆلەر ۋاقتىدا: ھەي كېيىنكىلەر، ئەۋلاد قالدۇرۇڭلار، دەپ ئۆكۈنىدۇ، دېگەن.»

ئەسەردىن ئورۇن ئالغان يۇقىرىقىدەك مۇنازىرە تولىمۇ خاراكتېرلىك بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى، دىنىي ئېتىقادىدىكى ساپلىقنى ئىنتايىن روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلغان ئەمەس، ئەكسىچە تەركىدۇنيالىقنى ھارام قىلغان. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆكۈملەر بار.

«ئېيتقىنكى، ئاللا بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟ ئېيتقىنكى، ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كاپىرلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر.» (سۈرە ئەئراف 32 - ئايەت) يۇقىرىقى ئايەتكە قەتئىي مۇخالىپ بولغان

بەت 188

ۋە ئەۋلادلارنى بىخۇدلاشتۇرىدىغان 18 - ئەسىردىكى بىر شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى:

جاھان بولدى كۆپپارلارغا بېھىش، ئاڭا قىلدى، ئالەمنى راھەت سېرىش. جاھان ئاخىرەت بىرلە خەنداندۇرۇر، جاھان ئەھلى تۇقبائە زىندان ئېرۇر.

كىشىگە يېتىشسە جاھان راھىتى، چىقار ئاخىرەتتە بەسى مېھنىتى. كىشى چەكسە ئالەم ئارا زارلىق، قىلۇر ئاقىبەتتە تەڭرى دىلدارلىق. ①

بۇ شېئىر يۇقىرىقى ئايەت بىلەن سىغىشالامدۇ، ئاللا يۇقىرىقى كۆزقاراشنى قوبۇل قىلامدۇ، ئۇ ئاللانىڭ ئىراسىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ، ئاللا بۇ دۇنيانىڭ شېرىن، پاك رىزىقلىرىنى مۆمىنلەر ئۈچۈن، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقانلىقىدىن خەۋەر بېرىۋاتسا، يۇقىرىقى شېئىردا بۇ دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆپپارلارغا ئاتا قىلغان، بۇ دۇنيا ئۇلارنىڭ جەننىتى، مۆمىنلەرنىڭ جەننىتى ئاخىرەت، بۇ دۇنيادا راھەت كۆرسەڭ ئۇ دۇنيادا تۈگىمەس ئازابقا قالىسەن، دېگەن چېكىدىن ئاشقان ئازغۇن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن ئەۋلادلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك، ئۇلارنى بۇ دۇنيادىكى بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان قەبىھ تەرغىبات ئىدى. ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بارا-بارا زەئىپلىشىپ، كېسەلچان، يارماس بىر ئىنسانلار توپىغا ئايلىنىپ قېلىشىدا يۇقىرىقىدەك خاتا ئەقىدىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان. قۇرئان كەرىمدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «بۇ دۇنيانىڭ بارلىق نېمەتلىرىنى

① تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى: «كىتابى غەرىب» ئەسىرىدىن. 180

بەت 189

سىلەردىن پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتىم، دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن تەركىدۇنيا بولۇش بىلەن ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلماڭلار» دەپ تەكىتلىدى. دۇنيانى ھارام دەپ كۆرسەتكەن تۇرسا، خەلقنىڭ دۇپپىسىغا جىڭدە سېلىپ، بۇ دۇنيانى ھارام قىلىپ كۆرسەتكەن شۇ نادان ئازغۇنلارغا ئاللا لەنەت قىلسۇن!

بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان نېمىتى، ئۇنى قەدىرلەش كېرەك. ئەگەر ئاللا بەندىلىرىنىڭ تەركىدۇنيا بولۇپ ئۆيلەنمەي، كېچە - كۈندۈز ئىبادەت قىلىشىنى ياقتۇرىدىغان بولسا، جىنسىي ئەزالارنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى. ئۇمۇ ئاللانىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ بىر نېمىتى، ئۇنى تەرك ئېتىش ساۋاب بولىدۇ ئەمەس، بەلكى ئېغىر گۇناھ بولىدۇ، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن بولسام سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاللاتائالانى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، ئاللا تائالادىن ئەڭ كۆپ قورقىدىغان كىشىدۇرمەن. لېكىن، مەن ھەم كېچىدە ناماز ئوقۇيمەن، ھەم ئۇخلايمەن، روزا تۇتىمەن ھەم ئېغىزىم ئوچۇق يۈرىمەن، ئاياللار بىلەن توي قىلىمەن. كىمكى مېنىڭ يولۇمنى قەستەن تاشلىسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەر قاچان دىندا ئېغىرچىلىق، مۇشكۈللۈك يوق دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى، بىراق بەزىلەر تەركىدۇنيا بولۇپ، دۇنيانىڭ ئارزۇلىرىدىن فارىغ بولۇشقا ئىنتىلىپ، خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشمەكچى بولاتتى. شۇڭا ئاللا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى دوست تۇتمايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن: «ئى مۆمىنلەر، ئاللا سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركىدۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللا بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللا چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.» (سۈرە مائىدە 87 - ئايەت).

بىزنىڭ يۇقىرىقى ھەقىقەتلىرىمىز ۋە ھەقىقەتكە زىت بولغان قاراشلارنىڭ ئەۋلادلارغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز -

181

بەت 190

دېكى سەۋەب شۇكى، بىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شۇنچە ئىلغار دۇنيا قاراش بىلەن تەربىيىلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ دۇنيانى سۆيۈش، تۇرمۇشنى سۆيۈش، ھاياتنى قەدىرلەش يولىدا تىرىشچانلىق قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ئەۋلادلار خاتا دۇنيا قاراش بىلەن، خاتا ئاڭ بىلەن تەربىيىلەنسە، ھەقىقەتكە زىت بولغان چۈشكۈن ئاڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرماق تولىمۇ تەسر. بۇ بىزگە تارىخ بەرگەن ئاچچىق ساۋاق.

ھازىرقى رېئاللىقتىمۇ، بىر قىسىم نادان، دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن خەۋەرسىز دىن توغرىلىرى مەيدانغا چىقىپ، چېكىدىن ئاشقان، ئازغۇن، خاتا تەرغىباتلىرى بىلەن خەلقنى بىخۇدلاشتۇرماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر نادان، ساۋاتسىز، دىندىن خەۋەرسىز بولغاچقا، كىم نېمە دېسە شۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان، يۈزەكى ھادىسىلىك نەرسىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، كىشىلەرگە زەربە بېرىدىغان، ئەسلى ماھىيەتتىن قىلچە خەۋىرى يوق تۈرۈكلۈك، ساختا تەقۋادار بولۇۋالىدىغان كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

بىز تۇرمۇشقا ئوتلۇق ئىشتىياق بىلەن كىرىپ كېلىدىغان، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان، دۇنياغا ئۈمىد، ئىشەنچ بىلەن نەزەر تاشلايدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، ئوچۇق، توغرا پىكىرلىك، مەرد، ئادىل، ھەققانىيەتچى ئەزىمەتلەرنى تەربىيىلەپ چىقىشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتسىز، چۈشكۈن، ئۈمىدسىز، ئىراسىز، ھورۇن، يالقاۋ ئەۋلاد مىللەتنى خاراب قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆمەر بىر ئادەمنىڭ نامازدا ئۆلۈم-تۆكۈلدەرچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، تولىمۇ قورقۇمسىغان قىياپەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، شۇئان بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى قولىدىكى قامچا بىلەن نوقۇپ كۆتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ دىنىمىزنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ئاللا جېنىڭنى ئالسۇن. بېشىڭنى كۆتۈر. قورقۇش دېگەن گەۋدىدە ئەمەس، قەلبىتە

بەت 191

بولىدۇ» دېگەن. بۇنداق ساختا قورقۇشنى مۇناپىقلارچە قورقۇش، دەپ ئاتىغان. دېمەك، ئىسلام دىنى بىچارە ھالەتنى، چۈشكۈنلۈكنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. كىشىلەرنى چۈشكۈنلۈككە سايە قىلىش ھەرگىزمۇ دىن ئەمەس.

ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، يامانلىقتى توسۇشقا ئادەتلەندۈرۈلگەن

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىققا ئادەتلەندۈرۈلۈپ تەربىيەلەنگەن. ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئەسىرى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ مېۋىسى. ئۇ ئەسىرىدە پادىشاھتىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالغىچە بولغان بارلىق كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇشنى، يامانلىقتىن توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ئۈچۈن بالىلارغا ئەڭ ئاۋۋال نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، ئادەم كىچىك چاغلاردا نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىراق، ئۇلاردا ھەق، ناھەق تۇيغۇسى بولىدۇ. چۈنكى، ئادەمدە كىچىكىدىن تارتىپ ھېسسىيات، ھاياجان، خۇشال بولۇش، خاپا بولۇش، سۆيۈنۈش، ئاچچىقلىش پىسخىكىسى بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە تۆۋەنرەك، بەزىلەردە يۇقىرىراق بولىدۇ. بۇ خىل پىسخىكىلىق ھېسسىيات پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج. شۇڭا، ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزى ھېس قىلالايدىغان ياخشى، يامان ئىشلارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلارغا بۇ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىنمىسا پەرۋاسىز، مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بولۇپ قېلىشىدا گەپ يوق. ئەگەر بىر بالا ئانىسىغا ياكى دادىسىغا: «دادا، ئاپا، بۇ كۈنى دوستۇم مۇنداق يامان ئىش قىلدى» دەپ ئىپادە قىلغاندا، ھەق بىلەن كارى

بەت 192

بولمىسۇن، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان ئاتا - ئانا بالىسىنى ھالاكەتكە ئىتتەرگەن، ئۆزىنىمۇ گۇناھقا پاتۇرغان ئاتا - ئانىدۇر.

بالىلار قورامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى يېتىلىدۇ، ھەق - ناھەق قارىشى روشەنلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىش يەنىلا ئاتا - ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن تارتىپ دىنىي مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان، دىنىي تەلىم - تەربىيە بىلەن قوراللاندرۇلغان. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە قارىغاندا، بالاغەتكە يەتكەن، ياخشى - ياماننى تونۇش قابىلىيىتى يېتىلگەن، يامانلىقنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىغان، قولى، بۇرنى، تىلى ۋە قەلبى بېجىرىم بولغان مۇسۇلمانغا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىپ بولغان، بۇنى ئاللاھقا ئىشىنىشتىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ ئەمىر قىلىنغان: «سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر①…»، «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن. ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. »② بۇ ئەقىدىنىڭ ئىجراسىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى لۇقمان سۈرىسىدە تېخىمۇ كونكرېت ئەمىر قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇ--- ① «قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران. 110 - بەت. ② «قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران. 104 - ئايەت.

184

بەت 193

غىن، يامانلىقتىن توسقۇن.» ① «بۇ سۈرە ئەمەلىيەتتە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى نېمىگە يېتەكلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان ئايەت ئىدى. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بۇ مەجبۇرىيەتنى ياخشى ئادا قىلالمىسا، ئاتا - ئانىلىق قەرزىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولاتتى.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ كۈرىشى داۋامىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ياخشىلىقمۇ مەڭگۈلۈك، يامانلىقمۇ مەڭگۈلۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇ، ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ يامانلار ھەر قاچان ياخشىلارغا دۈشمەن، نادانلار ئالىملارغا قارشى. بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ياخشىلار بىلەن ئالىملار يېتىلىدۇ، دۈشمەنسىز ئەر ئەر ئەمەس، دۈشمەنسىز ئەرنىڭ ئېتى قوپالماي ياتىدۇ، دېگەن. ھەر قانداق بىر قەۋمدە ياخشىلار كۆپ، يامانلار ئاز بولسا، ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغانلار كۆپ، يامانلىققا بۇيرۇيدىغان، ياخشىلىقتىن توسىدىغانلار ئازراق بولسا، ئۇ قەۋم نىجات تاپىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ھالاك بولىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر - بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان.» ②

يامانلىق دېگەن خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشايدۇ، ئەگەر تېز داۋاسىنى تېپىپ كونترول قىلىنمىسا، ئۇ شۇنداق تېز كېڭىيىدۇكى، ئاخىر پۈتۈن قەۋمنى كېسەللىك چىرمىۋالىدۇ - دە، پۈتۈن قەۋم ھالاك بولىدۇ. ئەگەر كىچىك چاغدا تىزگىنلەپ، ئۇنىڭغا داۋا قىلىنسا ئۇنىڭ باشقىلارغا يۇقۇشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگودا چىققان سارس كېسىلىنى ناھايىتى زور تىرىشچانلىق بىلەن تىزگىنلەپ، نۇرغۇن ئادەمنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالدى، ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قارالسا شۇ سەل قارىغان ئادەملەرمۇ


① «قۇرئان كەرىم» سۈرە لۇقمان، 17 - ئايەت. ② «قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە، 79 - ئايەت.

بەت 194

يۇتۇپ كېتەتتى. شۇنىڭدەك، يامان ئىش، يامان كەيپىيات، مىللەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان زىيانداشلار ئومۇمىي جامائەت پىكرى ئارقىلىق تىزگىنلەنمىسە، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلسە، ئۆزۈن ئۆتمەي ئۇ يامان، رەزىل ئىشلار ئومۇمىيلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، كىشىلەر شۇنچە يامان، رەزىل ئىشلارنى نورمال ئىش دەپ قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا كەلگەندە ئۇنى چېكلەش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. خۇددى تۇغانسىز سەلنى توسۇپ قالغىلى بولمىغانغا ئوخشاش. چۈنكى، ئادەمنىڭ روھى يامانلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالسا، بارا-بارا كۆڭلىدە ئۇنى ياخشى ھېسابلايدۇ، خۇددى ھازىرقى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ مانچە بوتۇلكا ھاراق ئىچكەنلىكى، مانچە قىزنى كۆيدۈرلاتقانلىقى، مانچە ئادەمنى دامغا چۈشۈرگەنلىكى قاتارلىقلاردىن پەخىرلىنىپ سۆزلەپ كەتكىنىگە ئوخشاش. ئەمدى ئۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ بەرگەنلەرمۇ، بارا-بارا مانا شۇ رەزىللىككە ھەۋەس قىلىپ بېشىچىلاپ چۆمۈپ كەتكىنىگە ئوخشاش. نەتىجىدە، يامانلىققا بۇيرۇش يوللۇقتەك، مەردلىكتەك، ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش يوقىلاڭ ئىشلارغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ تەدرىجىي مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىدا خۇنۈكلىشىش، ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىش، ئىچكى قاتلىمىدا پەسكەشلىك يامراپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار ئەسلى قانۇنىيەتنىڭ تەبىئىي ئىش تۇتۇشقا باشلايدۇ - دە، يىلتىزى بىلەن قۇرۇپ تۈگەيدۇ، بۇنى خۇدا كۆرسەتمىسۇن.

ئۆز دەۋرىدە بۇ خىل بولغۇنۇش، بۇزۇلۇشنىڭ ئۆجىگە چىققانلىقىنى، ياخشىلىققا بۇيرۇغان، يامانلىقتىن توسىدىغان كىشىلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «ھەممە ئىشلار ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، قانۇن-قائىدىگە ئاسىيلىق قىلىنىۋاتىدۇ، قېنى ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى، دەپ نىدا قىلىدۇ ۋە بۇنى قىيامەتنىڭ يەنى

186

بەت 195

ھالاكەتنىڭ ئىپادىسى ئىپادىسى، كۆرۈلسە كېلىدىغىنى چوقۇم كېلىدۇ①» دېگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇشتا قەلىمى، تىلى ۋە قەلەمنى قورال قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئادا قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، يامانلىقتىن توسۇشتا مۇنداق تەلەپلەرنى قويغان: «كىمكى بىر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا كۈچى يار بەرمىسە تىلى بىلەن بولسىمۇ توسۇشقا تىرىشسۇن، ئۇنىڭغا ھەم قادىر بولالمىسا كۆڭلىدە بولسىمۇ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزىدۇر.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) يۈسۈپ خاس ھاجىپ قولى، تىلى ۋە دىلى بىلەن ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلغان، ئۇ قەلەمنى قورال قىلىپ، پادىشاھتىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالغىچە بارلىق كىشىلەرنى ھەق يولغا باشلاش، ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

268 ئېلىپ قولغا قىلىچ، بىرى ئەل تۈزەر، قەلەم بىرلە بىرى، ھەق يول كۆرسەتەر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلەم ئارقىلىق ئەلگە ھەق يول كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەم ئۇ ئىشنى ئۈتۈقلۇق ئادا قىلغان، شۇڭا، ئۇ: كىتابنىڭ نامىنى قۇتادغۇبىلىك قويدۇم، ئوقۇغۇچىغا قۇت كاتسۇن، بەخت يولىغا باشلىسۇن. (350 - بېيىت). ئۇ بۇ دەۋەتلىرىدە پۈتۈن ئەۋلادلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ قالماي، بەلكى پادىشاھقىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىشكە،


① «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 6472 - 6493 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى.

بەت 196

يامان يوللاردىن قايتىشقا بۇيرۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ساھابىلەر جىھادنىڭ ئەۋزىلى توغرىسىدا سورىغاندا: «زالىم پادىشاھ ئالدىدا ھەق سۆزلەش» دەپ جاۋاب بەرگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىدە نۇقتىلىق ھالدا پادىشاھقا ئادالەت يوللىرىنى تەۋسىيە قىلىش، يامانلىقتىن، زۇلۇمدىن ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. كىمنىڭ ئەل ئىچىدە ئورنى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەلده ياخشى قانۇن ئورنىتىشتۇر، ھەي بەخت - تەختكە ئېرىشكۈچى، ئۇنىڭغا قانچە كۆپ گۇۋاھنامە، بەخت، دۆلەت دېگەن كەلگۈچى ھەم كەتكۈچىدۇر. ئەگەر سەن بۇ دۆلەت بىلەن تۇراي دېمەكچى بولساڭ، ياخشىلىق يولىنى تۇت. ساڭا بەگلىك، ئۇلۇغلۇق تەگسە، بېشىڭ ئاقارغۇچە كىچىك پېئىل بول.» (545، 550، 552)

يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ئۈچۈن ئاۋۋال شۇ كىشىدە ياخشى - ياماننى بىلگۈدەك ئىقتىدار، قابىلىيەت بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئۆزى دېگەن سۆزگە ئەمەل قىلالايدىغان توغرا يوللۇق ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ شەرتلەرنى تولۇق ئادا قىلغان. ھەقىقەت نۇرى بىلەن دىلى يورۇغان، ئۆزىمۇ ياخشىلىقنىڭ بەندىسى بولالايتتى.

382 ئۇ تاللاپ ياراتتى، يورۇتتى دىلىم، ئىمان بىرلە تىنچ يولنى تاپتى دىلىم.

383 قارارغۇدا ئەردىم، يورۇتتى تۈنۈم، زۇلمەتتە ئىدىم مەن، تۇغۇلدى كۈنۈم.

384 يۈرەتتىم ئېزىپ مەن، ئۇ كۆرسەتتى يول، كۆيەتتىم مەن ئوتتا، قۇتۇلدۇردى ئۇل.

بەت 197

385 كۆتۈردى، تاللىدى، ئايرىدى مېنى، ئاغىنلار يولىدىن قايرىدى مېنى.

386 بېزەتتى دىلىمنى يورۇقلۇق بىلە، تىلىمنى بېزەتتى گۇۋاھلىق بىلە.

ئۇ بۇنداق ھەقىقەت نۇرىغا چۆمۈلگەنلىكى بىلەن مەمنۇن، نۇرلۇق كېلەچەكنى كۆرگەنلىكىدىن خۇرسەن ئىدى. ئۇ باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچى دەۋەتچىلا ئەمەس، بەلكى پاك قەلبى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغۇچى ئىدى. چۈنكى ئۇ بۇ ھەقىقەتنى قەلب دەپتىرىگە پۈتۈۋالغانىدى. «كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر.» ①

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شۇنچە مەردانە، ئەركىن، ھەققانىيەتچى، يۈرەكلىك بولالغانلىقى، پادىشاھلارغىمۇ نەسىھەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ يامان تەرەپلىرىنى ئەيىبلەشكە جۈرئەتلىك بولالغانلىقى، ئۇنىڭ خاراكتېرىدە يېتىلگەن بۈيۈك خىسلەت ئىدى. ئۇ ھەقنى دەۋەت قىلغاندا قەتئىي بولۇش، ھەرگىز ئارسالدى بولماسلىققا ئادەتلەندۈرۈلگەن. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەملەر جەمئىيەتتىكى ياخشى - يامان ئادەم ۋە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىكنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دادىللىق بىلەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقەتنى ياقلىسىمۇ، لېكىن بەزىلەر سۈكۈت قىلىدۇ، بەزىلەر رەزىللىكتە شېرىكچىلىك ئۇچىغا چىققانكى، ھەق - ناھەق مەسىلىسىگە توغرا كەلگەندە، تەپتارتماستىن بىلىپ تۇرۇپ ناھەقچىلىكنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ. مانا بۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەنلىكى، خاراكتېرنىڭ ئىنتايىن زەئىپلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداق ئادەملەرنى ئادەم دەپ ئاتاشقا ئەرزىمەيدۇ.


① «قۇرئان كەرىم»، سۈرە بەقەرە، 44 - ئايەت.

189

بەت 198

بېپەرۋالىق ۋە قولچىلىق جەمئىيەتكە تەگكەن بىر ۋابا كېسىلى، ئۇ مىللەتنى خاراب قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەم بۇ دۇنيادا ئەركىن پىكىر بىلەن تۇغۇلۇدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبى، تەپەككۇرى ئۆزىگە تەن. ھەرگىز ئۇنى باشقىلارنىڭ قەلبىگە، تەپەككۇرىغا بېقىندى قىلىپ قويماسلىق كېرەك. شۇڭا، بالىلارنى تەربىيىلىگەندە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا، پىكىرگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم. ئۇلارنى بېسىم بىلەن: مەن سېنىڭ داداڭ، قەتئىي مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايسەن، توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن، مۇئەللىمىڭنىڭ گېپىگە كىر، باشلىقنىڭ دوزاخقا باشلىسىمۇ كەينىگە قارىما، دېگەندەك ناتوغرا تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئۇ بالىنى ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ قۇربانلىقى قىلىپ بەرگەن بولىسىز. بالىلار گەپكە گەپ كەلگەندە، ئاتا-ئانىدىنمۇ قايتما دېگەن روھ بىلەن تەربىيىلەنسۇن. شۇندىلا، ئاندىن جەمئىيەتتە ياخشىلىققا دەۋەت قىلالايدىغان، يامانلىقتىن توسۇيالايدىغان جۈرئەتكە ئىگە بولىدۇ.

بەت 199

يەتتىنچى باب: قانائەتچانلىققا يېتەكلەش بەخت تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى

بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ئادەمنى تويغۇزالامدۇ؟ بۇ دۇنيانىڭ مال - دۇنياسى ھەرگىزمۇ ئادەمنى تويغۇزالمايدۇ. شۇڭا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەمنىڭ ئىككى جىلغىدا ئالتۇن - كۈمۈشى بولسا، يەنە بىر جىلغا ئالتۇنۇم بولسا دەپ ئارزۇ قىلىدۇ، ئادەم بالىسىنىڭ كۆزىنى گۆر توپىسىدىن باشقا نەرسە تويدۇرالمايدۇ». بۇنىڭدىن قارىغاندا، مال - دۇنيا ئادەمنى بەختلىك قىلالمايدىكەن، ئۇنداق بولسا ھەقىقىي بايلىققا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ «مال - دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، ھەقىقىي بايلىق كۆڭۈل بايلىقىدۇر» دېگەن ھەدىس، مانا شۇ ئىنسان تەبىئىتى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن پەلسەپىۋى ھەقىقەت ئىدى. شۇنداق ئىكەن، بەختمۇ كۆڭۈلنىڭ بايلىقىغا باغلىق.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە، بالىلارنى قانائەتكە، سەۋرگە يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۇلۇغۋار غايىلارنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى يەكۈنلەنگەن، چۈنكى قانائەتچان ئادەملەرلا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىۋېتەلەيدۇ. قانائەتسىز مەخلۇقلار پۈتۈن ھاياتىنى مال - دۇنيانىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. بىر مىليون پۇلى بولسا، يەنە بىر مىليون تېپىشنى، ئىككى مىليون بولغاندا، ئون مىليون قىلىشنى، ئون مىليون بولغاندا يۈز مىليون قىلىشنى،

بەت 200

يۈز مىليون بولغاندا مىليارد بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. تېخى دۇنيادا بىرەر ئادەمنىڭ پۇلغا تويغانلىقىنى، بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن كېكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىدۇق. چۈنكى، بۇنداق بولۇشنى ئىنساننىڭ تەبىئىتى بەلگىلىگەن. «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق بىر ئايەت بار: بىز ئىنسانلارغا مال - دۇنيا، چارۋا مال … لارنى ياخشى كۆرىدىغان قىلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى خوتۇن، ياخشى تۇرالغۇ، ياخشى ئۇلاغ ئىنسان بالىسىنىڭ سائادىتى قاتارىدىن». بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئىسلام دىنى ماددىي بايلىقنى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى ھالالدىن تاپقان مال - دۇنيانى توغرا يولغا سەرپ قىلسا، ئۇ ئاخىرەتنىڭ يولۇقىتى؛ جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولىدۇ - ، دەپ قارايدۇ. خەير - ئېھسان قىلىش، سەدىقە قىلىش، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىپ ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىقتىسادقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادىي ئامىل مۇھىم رول ئوينايدۇ، قۇرۇق ئىبادەت، زارلىنىپ دۇئا قىلىش بىلەن ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ئاللا ياراتقان قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ھازىرغىچە ئىزچىل توغرا ھەل بولماي كېلىۋاتقان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، مال - دۇنياغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. چۈنكى بۇنىڭغا نورمال مۇئامىلە قىلىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىش. مال - دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىش ئادەمنى بۇ دۇنيادا ئاچكۆزلۈككە، ياۋۇزلۇققا، قارانىيەتلىككە، ئىنسانىيسىزلىققا سۆرەپ كىرىدۇ، ئۇنى بىر كۈنمۇ خاتىرجەمىلىككە ئىگە قىلالمايدۇ. ئۇ ئۆسۈنسە، تەشۋىش، ھەۋىسىنىڭ ئىشتىياقىدا خاتىرجەم ئۇيقۇدىن مەھرۇم بولىدۇ.

بەت 201

1. قانائەتچانلىق تەربىيىسى پەرزەنتلەرنى بەختكە، پەزىلەتكە يېتەكلەيدۇ

ئىسلامىيەت دۇنياسىدا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە تولۇق، ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، مال-دۇنياغا، بايلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىش، روھىي پاكلىق ئۈچۈن تەننى ئازابلاش كېرەكمۇ، تەننىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئورۇنلاپ روھنى بولغاش كېرەكمۇ، دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. مۇشۇ نازۇك مۇناسىۋەت مەسىلىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، ياراتمىش ئىراىدىگە مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭىلىشلار، ئازغۇنلۇقلار كېلىپ چىقتى. بۇ پەرزەنت تەربىيىسىگە ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشىگە ھەم بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، پەرزەنتلەرنىڭ توغرا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ نورمال، توغرا يۆنىلىش بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا يامان تەسىر كۆرسەتكەن ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.

11-ئەسىرلەردىكى فېئوداللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھۆكۈمرانلىقىدىكى قاراخانىيلار جەمئىيىتىدە دىنىي ئەقىدە بىلەن ماددىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى، كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ئىنتىلىشى، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن دىنىي ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆتكۈر زىددىيەت ۋە ئوخشاش بولمىغان مەزھەپ ۋە ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىققان، بىرى، «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە نۇقتىلىق كۆرۈش تېمىسى بولغان تەرەكدۇنيا ئۆزگۈرمىشنىڭ دۇنيا قارىشىدىن چەكتىن ئاشقان سول ئەقىدىنىڭ ئەكس ئەتكىنىنى كۆردۇق. ئۇ دىنىي ئەقىدە جەھەتتە، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى جەھەتتە ئىنتايىن خاتا تەلىم تەربىيىنى قوبۇل قىلىۋالغان بىر تىپ، ئۇ بۇ دۇنيانى قارىلايدۇ، بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىگە قىزىقمايدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ماددىي نېمەتلىرىگە بېرىلىش، جەمئىيەتتە ياشاشنى گۇناھ

بەت 202

دەپ قارايدۇ. ھەتتا ئۆيلىنىش، بالا - چاقىلىق بولۇشنىمۇ چوڭ ئاۋارەگەرچىلىك، ئىبادەت يوللىرىنى ئېتىپ قويۇش دەپ تونۇيدۇ. ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ساۋاب، دېسە، ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ ئىبادىتىنى قىلماي، بەندىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئەخمەقلىق دەيدۇ. ئادەم ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان تۇرسا دۇنياغا بېرىلىپ نېمە قىلىدۇ. شۇڭا دۇنيانى تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن سەن دۇنيانى تاشلا: ھەي ئوغۇل، قارا، بۇ جاھان ئەزەلدىن شامالغا ئوخشاش توختامى، كۆلەڭگىگە ئوخشاش قارارى يوق، قارىساڭ ئۇ خۇددى كۆرۈنمەيدىغان سەرابقا ئوخشايدۇ. تۇتاي دېسەڭ تۇتالمايسەن، يەتەي دەپ يېتەلمەيسەن. دۆلەتنىڭ ئالتۇن بەلۋېغى نۆۋەت بىلەن باغلىنىدۇ. ئۇ قاچقۇن، ۋاپاسىز، ئۇنىڭ قېرىشىمۇ ھەم تېز. ئەمدى ماڭا دۆلەتمۇ، ئۇنىڭ نۆۋىتىمۇ لازىم ئەمەس، ئەگەمىنىڭ يادى ماڭا ھەمراھ. ئۇنىڭ يارلىقى مېنىڭ شادلىقىمغا شادلىق، خۇرسەنلىكىمگە خۇرسەنلىك. ئۈمىدىممۇ، تىلىكىممۇ شۇ، سېغىنىشىممۇ، شادلىقىممۇ ئەگەمىنىڭ يادى، تونۇش قوي يوقى، يېگىنىم ئارپا نېنى، ھەي قاياشىم، شۇنىڭ ئۆزى ماڭا دۇنيانىڭ تەل بولغىنى. غاردا پاناھلانغان بىر تەقۋادارنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلاپ قوي، ئۆز غىزايىم كېپەك، كىيىمىم يۇڭ چېكمەن، نېسىپەمگە ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا شۈكۈركى، كېپەك غىزا ماڭا شەربەتتىن لەززەتلىك، ئاق يۇڭ تونۇم يىپەكتىن قىممەتلىك، دېگەن. ئارپا بولسۇن، تېرىق بولسۇن، باشقا تاماغلار بولسۇن قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنغۇ، ئۇلارنىڭ نېمە پەرقى؟ مىراجىڭنى بۇزۇپ ئۆيدەك يەۋەرمەي، ئۆلمەسلىك ئۈچۈنلا يېسەك كۇپايە». يۇقىرىقىدەك بىمەنە، ئەسلىي ئەقىدىگە يات بولغان ئىسلام دىنىنى زەئىپلەشتۈرگەن، ئىسلام دىنىغا ھاقارەت كەلتۈرگەن خاتا تەرغىباتلار ئۆز دەۋرىدە باش كۆتۈرۈپ، 13 - ئەسىردىن كېيىن راۋاج تاپقان. نەتىجىدە پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادا ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدىن پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئەقلى چوشقۇن، زە[Footer] 194

بەت 203

ئېسىپ، بىچارە، مەجرۇھ مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇنداق ئېچىنىشلىق يامان تەسىرنى ئۇيغۇرلار تېخى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غۇۋا ھېس قىلدى. مانا شۇ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە ئۇيغۇر پەرەزەنتلىرى ئاشۇنداق ھايات قانۇنىيىتىگە پۈتۈنلەي يات بولغان تەلىم-تەربىيە ئەنئەنىسى بىلەن تەربىيەلەنگەن. شۇنداق خاتا تەربىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىنىمۇ ئۆلتۈرگەن، ئەقىدسىنىمۇ ئۆلتۈرگەن، شۇڭا بۇ نادان خەلق ئۆزىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى، ئاچ-زارلىق، موھتاجلىق، مەھرۇملۇقلىرىنى ئاللانىڭ مەغپىرىتىگە، رەھمىتىگە ئېرىشكەنلىكىمىز دەپ چۈشەنگەن، لېكىن ئاللا بۇلارنىڭ بۇ ئازغۇنلۇقى، ھەتتا ئاللانى ئونتۇپ كېتىپ غەيرىي بىر ئەقىدىگە ئەگىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز ۋەدىسى بويىچە بۇ خەلقنى تاشلىۋەتكەن، «بىزنى ئۇنتۇغان قەۋمنى بىزىمۇ ئۇنتۇيمىز» دېگەن ۋەدىسى بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ئىجرا بولغان.

11-ئەسىردىكى يەنە بىر تەھقىر ھەددىدىن ئارتۇق مال-دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرۇيدىغان، نەپسىنىلاپچى، ئاچ كۆز، گال ئۈچۈنلا ياشايدىغان، ماددىي نېمەتنى، بەدەننىڭ لەززىتىنى ھاياتىنىڭ مەقسىتى قىلغان. شۇ نەپەس ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكتىن باش تارتمايدىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر تۈركۈم ئازغۇنلار ئىدى. ئاچ كۆزلۈك، نەپسىنىيەتچىلىك، كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، پىتنە-پاسات، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ئوغرىلىق، تەمەخورلۇق، ساتقىنلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مانا شۇ تەننىڭ تەقەززاسىغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ، ئۇنىڭغا خاھىشىغا بويسۇنغانلىقتىن كېلىپ چىقتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى غايىسى مال-دۇنيا توپلاش بىلەن، يەپ-ئىچىشلا ئىدى. بۇ خىل تەبىئەتنى «قۇرئان كەرىم» دە: ئۇلار «چارپايلاردەك يەپ ئىچىدۇ» (سۈرە مۇھەممەد 12-ئايەت) دەپ، يەپ-ئىچىش ئۈچۈنلا ياشىغان ئادەمنى ھايۋان، دەپ ئاتىغان. ھەقىقەتەن نەپسى ئۈچۈنلا ياشاغان ئادەم

بەت 204

ھايۋاندىنمۇ بەتتەر بولاتتى. ھايۋان يېسە - تويسا شۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ، بىراق ئادەم قەتئىي قانائەت قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇنداق ئادەملەرنى تېخىمۇ يامان سۈپەت بىلەن سۈپەتلەيدۇ:

«ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى، ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلۇۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ» (سۈرە ئەئراف 176 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل نەپسانىيەتچىلىكتە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۆزىنى، ئۆزى ھېرىسمەنلىك، تەشۋىش، ئارامسىزلىق تورىغا چىرمىشىپ، ئۆزىنى ئازابلاۋاتقان بەختسىز كىشىلەرنىمۇ ئەپت بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ: «سەن ئۆزۈڭگە ئەلنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ باق، بىر ئۆزۈڭ ئۈچۈن قانچىلىغان نەرسىلەرنى توپلىدىڭ؟ سەن ئۈچۈن دېگىنىمىزدىكى ئۆنچە - مەرۋايىتلارمو كەمىلىك قىلىدۇ، زېمىندىكى ئالتۇن - كۈمۈشلەرمۇ خەزىنەڭگە قويۇلىدۇ؛ تاغلاردىكى جاۋاھىراتلارنى قېزىپ كېلىپمۇ سېنىڭ ئېھتىياج پۇتاڭنى تولدۇرغىنى بولمايدۇ. يەردە ئۆسىدىغان ھوسۇل - دانلارمۇ سېنىڭ ئامبىرىڭغا توپلىنىدۇ؛ ھەي پەيلى يامان، ئۇچار قۇشلار، يۈرىدىغان مەخلۇقلار، سۇدىكى بېلىقلارمو سەندىن قۇتۇلالمايدۇ، كارۋانلارنىڭ ئەلمۇئەل يۈرۈپ دۇنيا كېزىپ تاۋار - دۇردۇنلارنى، تېيىن، سۆسەرلەرنى، رۇمنىڭ ئېسىل كىمخاپلىرىنى، دۇنيانىڭ باشقا ئېسىل نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ساڭا تۆكسىمۇ ئامبىرىڭ تولمايدۇ. ئەجەب ئارغىماقلارنى، ئېسىل تۇلپارلار بىلەن ئېغىل، ئوقۇرلار تولدى، قېنى كۆز - قارنىڭ تولغىنى…» يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە يايلاقتىكى قورو - قورو چارۋا ماللارنى بىر - بىردىن ساناپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: مانا دۇنيانىڭ شۇنچە دۇنيا دەپنىسى توپلانغاندىمۇ ساڭا يېتىشمەيدۇ. بىراق ئۇلار يەنىلا تۈگىمەيدۇ، سېنىمۇ قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، ئاخىرى ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئېچىرقىغان كىشىدىن كىممۇ تويغان»

بەت 205

(5361 - 5389، بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى) نەپسى بالالىق قىلما، نەپسىڭگە قارشى قاتتىق جەڭ قىل، ئۇنىڭ تىلىكىنى ئورۇندىما، ئۇنىڭغا ھۇزۇر كۆرسەتمە، نەپەس ھەممىدىن ياۋۇز دۈشمەندۇر. ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلساڭ يامانلىقنى كۆرسەڭ، ۋاپا قىلساڭ بەدەلگە جاپا يۈتۈسەن. ئۇنىڭغا جاپا قىلساڭ ئاندىن ۋاپا كۆرسەن، دۇنيادا سەن ئۈچۈن ئەڭ ياۋۇز دۈشمەن ئىككى، بىرى، بۇ دۇنيا ھەۋىسى، يەنە بىرى، نەپەس بالاسى. بۇ ئىككى دۈشمەننىڭ تۇزاقلىرى ھەر دائىم قۇرۇقلۇق» (5316 - 5322). يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەۋلادلارنىڭ كۆزى ئاچ، نەپسى بالا، قارانىيەتچى، ھەسەتخور، تەمەخور بولۇپ قالماسلىقىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈيدۇ. چۈنكى بۇنداق پەرزەنت مەسئۇلىيەتسىز، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، ئەلنىڭ غېمى بىلەن كارى بولمايدىغان، قارانىيەتچى ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. شۇڭا ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاپىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: دۇنيا ھېرىسمەنلىكىنىڭ ھەممىسى ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاچ كۆز كىشى پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ ئۇ باي ئەمەس، ئۆزى باي بولسىمۇ كۆزى ئاچ كىشى ھەقىقىي كەمبەغەلدۇر. ھەقىقىي باي قانائەت ئىگىسىدۇر. ئاچ كۆز ئادەمگە باي بولۇشمۇ ھېچقانداق ھۇزۇر بېرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي دېگۈلۈك، چۈنكى ئۇلارغا پۈتۈن دۇنيامۇ ئازلىق قىلىدۇ. قارا تۇپراق ئۇلارنىڭ كۆز چاناقلىرىنى تولدۇرمىغىچە مال - دۇنيا ئۇلارنىڭ كۆزىنى تولدۇرالمايدۇ» (5384 - 5390). يۇقىرىقى بايانلار ھەقىقەتەن ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قانۇنىيىتى. بۇ خىل چۈشەنچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىن كەلگەن: «بىر ئادەمنىڭ ئىككى جىلغا مال - دۇنياسى بولسا، ئۈچىنچى جىلغا مىلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئادەمنىڭ بالىسىنىڭ كۆزىنى گۆر توپىسىدىن باشقا نەرسە تولدۇرالمايدۇ». ئەنەس رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاخىرەتنى ئۆز غېمى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى باي قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرىنى جەملەپ

197

بەت 206

بېرىدۇ. كىمكى دۇنيانى ئۆز غېمى قىلىدىكەن دۇنيا ئۇنىڭغا يېلىمدەك چاپلىشىپ كېتىدۇ، ئاللا ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى نامرات قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ. دۇنيا ئۇنىڭغا بەركەتسىز، ئۆتكۈنچى بولۇپ كېتىدۇ. كۆڭۈلنىڭ چېچىلىپ بېرىپتان بولۇشى، خاتىرجەملىكنىڭ يوقىلىشى، كۆڭۈلنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى، روھىي نامراتلىقتىن قۇتۇلماسلىق قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيانىڭ يامان ئازابلىرى، خاتىرجەمسىزلىك ۋە بەختسىزلىكتۇر. بۇ خىل ئەھۋالنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھېرىسمەن پادىشاھ قۇل، قانائەتلىك نامرات پادىشاھدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى خاتىرجەمدۇر، دەپ بايان قىلغان. يەنە ئۇ بۇ دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كېتىشنى: دۇنيانىڭ مال - دۇنياسىغا ھېرىسمەن بولۇش خۇددى تۇزلۇق سۇ ئىچكەن ئادەمگە ئوخشاش داۋاملىق چاڭقاپ تۇرىدۇ، ھەرقانچە ئىچسىمۇ ئۇنىڭ ئېغىزى نەم بولمايدۇ، دەپ خۇلاسىلىغان. سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى ۋە دانا مەسلىھەتچىسى بولغان نىزامۇل مۈلۈك ئۆزىنىڭ «سىياسەتنامە» دېگەن ئەسىرىدە بۇنداق ئىنساپسىز، دۇنيانىڭ شۇنچە مال - دۇنياسىغا ئېرىشىپمۇ ئېغىزى نەم بولمىغان قانائەتسىز بەگلەر، قازىلار ۋە ۋالىيلارنىڭ ياۋۇز تەبىئىتى توغرىسىدا مىساللارنى كەلتۈرىدۇ:

بىر كۈنى نۇشىرۋان پادىشاھ ۋاقتىدا ۋەزىر - ۋۇزۇرالاردىن مۇنداق بىر ئىشنى سوراپتۇ: مەن سىلەردىن مۇنداق بىر ئىشنى سوراپ كۆرەي، ئۆزۈڭلارنىڭ دانالىقى ۋە پازىل كەرىمى بىلەن راستىنى ئېيتىڭلار، دېدى، س: بىر كىشى ئەزەربەيجان ۋالىيسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بايلىقى ئالتۇن دىنارغا سۇندۇرۇلسا قانچە بولار؟ ج: بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ كېرەك قىلمايدىغان مۈلكىلا 200 تۈمەن دىنار چىقار. س: ئۆي بسايتى ۋە تەئەللۇقاتىچۇ؟ ج: 50 تۈمەن دىنار قىممىتىدىكى ئالتۇن - كۈمۈش بسايتلىرى بولۇشى مۇمكىن. س: ئۈنچە - مارجانلىرىچۇ؟ ج: 60 تۈمەن دىنار. س: گىلەم ۋە ھەشەم بۇيۇملىرىچۇ؟ ج: 30 تۈمەن دىنار.

بەت 207

س: زېمىن، قورۇق ۋە چاھارباغلىرىدىن قانچىلىك بار؟ ج: خۇراسان، ئىراق، بەسرە، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردىكى ھەممىلا قەدىمىي يۇرتلاردا ئۇنىڭ يەتتە - سەككىز، ھەتتا ئونلاپ چاھارباغلىرى، تۈگمەنلىرى، سارايلىرى، ھور مۇنچىلىرى ۋە قورۇقلىرى بار. س: قانچىلىك ئات - قېچىر بار؟ ج: ئۈچ تۈمەن. س: قويلىرىچۇ؟ ج: 200 تۈمەن. س: تۆگىچۇ؟ ج: ئۈچ تۈمەن، س: قۇل ۋە ئىشلەمچىلىرى قانچىلىك چىقار؟ ج: تۈرك، رۇم ۋە ھەبەش بولۇپ 1700 مەھرىمى بار. ھۆسن رۇخسارى ئاينى خىجىل قىلغۇدەك 400 چۆرىسى بار. ئارقىدىن نۇشىرۋان يەنە مۇنداق دەپ سورىدى: بىراق شۇنچە بايلىققا تىنىپ كەتسۇن، شۇ ھالدا ھەر كۈنى 20 لىگەندە گۆش ۋە تاتلىق - تۈرۈم يېسۇن، يەنە بىراق ئاللانىڭ مۆمىنى بولۇپ، قېرى، ئاجىز، تەنها، يۆلەنچۈكسىز ھالدا ئىككى ناننى ئاشلىق ۋە كېچىلىك غىزا قىلىپ يېسۇن، ئەگەر ھېلىقى بايلىققا تىنىپ كەتكەن كىشى شۇنچە بايلىققا قانائەت قىلماي، ھېلىقى موماينىڭ تىرىكچىلىكىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى كىچىك بىر پارچە يېرىنى زورلۇق - زومبۇلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ، ئۇ موماينى تىرىكچىلىك يولىدىن مەھرۇم قىلىپ ھالاكەتكە قىستىغان بولسا، ئۇنداق ئادەمگە قانداق جازا بېرىش كېرەك؟ ئوردا ئەھلى بىردەك مۇنداق جاۋاب بېرىشتى: ئۇنداق ئىنساپسىزغا جازانىڭ ھەرقانداق تۈرىدىن تولۇق بېرىش كېرەك، ئۇنداق كىشىگە ھەرقانچە جازا بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. دېيىشىپتۇ. نۇشىرۋان ئەمىر قىلىپتۇ: شۇ كىشىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، گۆشىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىڭلار، سامان تىقىپ ئوردا قوۋۇقى ئالدىدا يەتتە كۈن ئېسىپ قويۇڭلار، دەپتۇ. ئارقىدىن مەپكەش ئارقىلىق ھېلىقى موماينى ئەپكەلدۈردى ۋە ئەمىرلىرىگە كۆرسىتىپ، مانا مۇشۇ موماي زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدۇر، دېدى. ئەسلىدە موماي تىرىكچىلىكىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان بىر پارچە يېرىنى ئەزەربەيجان ۋالىيسى زۇلۇم بىلەن تارتىۋالغاندىن كېيىن، دەرد - ھالىنى ھېچ يەرگە ئاڭلىتالماي، ئاخىرى

بەت 208

نوشىرۋاننىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق شەھەرگە كېلىپ، ئۆزى ئۇ يەرگە كىرىپ بولالمايمەن، دەپ ئويلاپ، ئوڭغا چىققان پۇرسەتتە نوشىرۋانغا داد ئېيتقاندى. نوشىرۋان موماينى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، مەھرەملىرىدىن بىرىنى ئەزەربەيجانغا ئەۋەتىپ، تولۇق تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ قارارنى چىقارغان.

كۆرۈشكە بولىدۇكى، موماي كۈنىگە ئىككى نانغا قانائەت قىلىپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتاتتى. بىراق شۇنچە بايلىققا قانائەت قىلمىغان ۋالىي شۇ موماينىڭ يېرىنى ئېلىۋالمىغىچە كۆزلىمى تىنمىدى، خاتىرجەملىكى بۇزۇلدى. ئاخىرى ئەل ئارىسىدا رەسۋا بولدى ۋە دوزاخ بەندىلىرىنىڭ قاتارىغا قېتىلدى. ئەمەلىيەتتە موماينىڭ كۆڭلىمۇ، نائىنساپ ۋالىينىڭ كۆڭلىمۇ ئوخشاش سانايىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى! ھەر ئىككىسىنىڭ كىرىدىغان يېرى ئوخشاش. بىراق مەڭگۈلۈك قىسمىتى ئوخشىمايدۇ. بىرى، لەنەت - نەپرەتكە مۇپتىلا بولغانلىقى بىلەن مەڭگۈلۈك كۈلپەتتە قالىدۇ، يەنە بىرى، مېھىر - شەپقەت قىلىنىش بىلەن مەڭگۈلۈك پاراۋانلىقتا ياشايدۇ.

بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ئادەمنى تويغۇزالامدۇ؟ بۇ دۇنيانىڭ مال - دۇنياسى ھەرگىزمۇ ئىنسان بالىسىنى تويغۇزالمايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا مال - دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ھېبەتلىرى ھەرگىزمۇ بەختلىك بولالمايدۇ، خاتىرجەم تۇرمۇشمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ھەددىدىن ئاشقان ئىنساپسىزلىق، قانائەتسىزلىك ئىنساننى قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟ بىر خىل ساقايماس يامان كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. بۇ كېسەللىك ھەرگىزمۇ ئۇنى ئارامدا قويمايدۇ. خاتىرجەملىكىنى يوقىتىدۇ. ئەگەر بىز خاتىرجەملىكنى ئەڭ تولۇق سائادەت دەپ قارىساق، ئىنساپسىز، قانائەتسىز ئادەم بۇ نېمەتتىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولالمايدۇ. بۇ ئىنسان تەبىئىتى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن پەلسەپىۋى ھەقىقەت. شۇنداق ئىكەن بەخت كۆڭۈلنىڭ بايلىقىغا باغلىق: «مال - دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، ھەقىقىي بايلىق كۆڭۈل بايلىقىدۇر» دېگەن ھەدىس مانا مۇشۇنداق قانۇنىيەت.

بەت 209

ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەتتۇر.

ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، شۇنداق بولغاچقا ئىنسان تەبىئىتىگە تېخى كەم - كۇتسىز بىرەر باھا بېرىلگىنى يوق. شۇڭا تارىختا «ئادەم دېگەن نېمە» دېگەن سوئالغا نۇرغۇن تەبىرلەر بېرىلدى. ھېچقايسىسىنى مۇكەممەل، ئىنساننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تەبىر بەرگىنى بولمايدۇ. ئىنساندا ئالىيجاناب تۇيغۇمۇ، پاكلىقمۇ، گۈزەللىكمۇ بار، جىنسىي ئىستەك، ھايۋانىي نەپسىمۇ، رەزىللىك، ناپاكلىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە سەتلەكمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بار. ئىنسان تەبىئىتى يەنە نوقۇل جىنسىي ئىستەك ياكى نوقۇل روھمۇ ئەمەس. ساپ ئەقىل ياكى ساپ جىسىممۇ ئەمەس. ئادەم يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بىر مەۋجۇتلۇق. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئادەم ھەم ماددىي مەۋجۇتلۇق، ھەم روھىي مەۋجۇتلۇق، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى ئادەمنى تەشكىل قىلغان. بۇ ئىككىسىنىڭ جېدەل - غەۋغاسى، توقۇنۇشى ئىنسان روھىدا ھەر قاچان مۇرەككەپ كۈرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كۈرەش دائىمىي ۋە مەڭگۈلۈكتۇر، بۇ كۈرەشتە قايسى ئىستەكنىڭ غالىب كېلىشى ئىنسان تەبىئىتىنى شۇ تەرەپكە مايىل قىلىپ قويىدۇ. نەپسى يەنى تەن تەقەززاسى ئادەمنى مال - دۇنياغا، يېمەك - ئىچمەككە، ماددىي مەئىشەتكە، شەھۋانىيلىققا تارتىدۇ، روھ بولسا بىر نازۇك تەبىئەت بولۇپ، ئۇ پاكلىقنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە غايىۋىلىككە تەلپۈنىدۇ. تەن بولسا كۆڭۈل ئىستەكلىرى ۋە راھەت - پاراغەتكە تەلپۈنىدۇ. روھ بولسا ئۆز - ئۆزىدىن ھالقىشقا، بىر خىل چەكسىزلىككە تەلپۈنىدۇ. تەن تەلەپلىرى شەيتانغا ۋە ھايۋانلىققا مايىل، روھنىڭ ئىستەكلىرى ئىنسانىي تەبىئەتكە مايىل. بۇ ئىككىلىسى ئىنسانغا يات ئەمەس، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كېلىشتۈرسە، ئۇ ئىنسانغا سائادەت ئاتا قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن قارىغاندا تەننى دەپ روھنى خارلاشقا، روھنى دەپ تەننىڭ ئېھتىياجىنى مەھرۇم قى

201

بەت 210

لىمىشنىڭ ھەر ئىككىسى خاتا. تەن دېگەن روھنىڭ پائالىيەت رايونى، پانىي ئالەمدە روھ تەنسىز ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەسلىي يارىتىلىش ئىراىدىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىنسان چوقۇم توغرا يۆنىلىشتە تەربىيىلىنىشى كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە تەربىيىلەنمىگەندىكىن چوقۇم ئىنسان بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ - دە، ئەسلىي تەبىئەتكە مۇخالىپ يول تۇتۇپ قالىدۇ. تارىختا مانا مۇشۇ زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغانلىق سەۋەبلىك ناھايىتى نۇرغۇن سول ۋە ئوڭ ئېقىشلار بولدى. بىرى ھەددىدىن ئارتۇق سولچىلىق بىلەن تەننىڭ ئۆلۈشىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، تەركىدۇنيالىق يولى بىلەن روھنى تەن قەپىسىدىن ئازاد قىلماقچى بولسا، يەنە بەزى ئېقىملار تەننىڭ تەپەززاسىغا غەرق بولۇپ، پاك روھنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاش بىلەن ئىنسانىي تەبىئەتكە ھاقارەت كەلتۈرۈشتى.

ئۇنداق بولسا، ئادەمنى ناپاكلىققا سۆرەشتە قايسى تەرەپ تەشەببۇسكار رول ئوينايدۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر تېمىسلىق ھېكايىنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 8 - قىسمىدا «پادىشاھ جەلىئۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە ھېكايە» دېگەن چوڭ بىر ھېكايە بار. بۇ ھېكايىنى مەن «مۇقەددەس نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلەر» دېگەن كىتابىمغا قىسقارتىپ كىرگۈزگەن ئىدىم. شۇ ھېكايىدە ۋەزىر شۇماس بىلەن شاھزادىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان مۇنازىرىدە مۇنداق بىر نازۇك سوئال شاھزادىگە تاشلىنىدۇ:

«ئەي شاھزاده، ئى ئالىي زات، مۇكاپاتلىنىش بىلەن جازالىنىشتا تەن بىلەن جان (جەسەت بىلەن روھ) بىرىمۇ ياكى جازالىنىش پەقەت زىناخور، بۇزۇق، گۇناھكارلارغىلا خاسمۇ، — دەپ سوراپتۇ ۋەزىر شۇماس. شاھزاده:

— شەھۋانىيلىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىققا رىغبەتلىنىش

بەت 211

گۇناھ زالالەت ئىشلىرىغا ئېلىپ بارسا، كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تېيىش، نەپسىنى يىغىش، تەۋبە قىلىش ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ھەممە ئىش ياراتقۇچىنىڭ قولىدا؛ تەن ئۈچۈن مەئىشەت لازىم. تەن جان (روھ) سىز بولمايدۇ. جان (روھ) نىڭ پاكلىقى دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا سەمىمىي ئىنتىلىش، ئاخىرەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن بولىدۇ. جان (روھ) بىلەن تەن بېيىككە چۈشكەن ئىككى ئات، بىر ئارۋىنى تەڭ ئەگمەي قوشكېزەك بالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشتا ئورتاق شېرىك. ئۇ ئىككىسى ھەممە ئىشتا تەڭ شېرىك بولغاندەك، مۇكاپاتلىنىش ۋە جازالىنىشتىمۇ ئوخشاشلا تەڭ شېرىكلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى باغقا قاراڭچۇق قىلىش ئۈچۈن بىر باغۋەن سېتىۋالغان لەقۋا (پالەچ) ئادەم بىلەن كور (ئەما) ئادەمگە ئوخشايدۇ: بىر باغۋەن بىر لەقۋا كىشى بىلەن بىر ئەما كىشىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ، بېغىغا باشلاپ كىرىپتۇ - دە، ئۇلارغا باغدىكى نەرسىلەرگە چېقىلماسلىق، زەرەر يەتكۈزىدىغان يامان ئىشنى قىلماسلىقنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپتۇ. بىراق باغنىڭ مېۋىسى راسا پىشقان چاغدا، لەقۋا كىشى ئەماغا:

— ھەي شورا قۇرۇغۇر! باغدىكى مېۋىلەرنىڭ راسا پىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، تازىمۇ يېگۈم كېلىپ، ئاغزىمغا لىققىدە سېرىق سۇ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنى ئېلىپ يەي دېسەم ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن. سېنىڭ كۆزۈڭ كور بولغىنى بىلەن ئىككى پۇتۇڭ ساق بولغاندىن كېيىن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، مېۋىلەردىن ئۈزۈپ كەلگىن، بىللە يەيلى، — دەپتۇ. ئەما كىشى:

— سېنىڭمۇ شورۇڭ قۇرۇسۇن، مەن ئۇ مېۋىلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيتتىم. سەن مېنى كاللەمگە سېلىپ قويدۇڭ. مەن قارىغۇ تۇرسام، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام قانداقمۇ ئېلىپ كېلەلەيمەن؟

ئۇلار شۇ يوسۇندا قانداق قىلىمىز، دەپ تۇرۇشقا، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا باغنىڭ قاراوۇلى كېلىپ قالدى. ئۇ بىلمەيدان

203

بەت 212

كىشى ئىدى. لەقۋا ئادەم قارائۇلغا: — ئەپسۇس، بىز بۇ باغنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە ناھايىتى تەلمۈرۈپ تۇرغان بولساقمۇ، ئۈزۈك كۆرۈۋاتىمىزغۇ؟ مەن پالەچ، مېڭىشقىمۇ چامىم يەتمەيدۇ. ماۋۇ ھەمراھىم بولسا كۆزى كور، ھېچنېمىنى كۆرمەيدۇ. ئىككىمىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇۋاتىمىز. خۇدا ساڭا رەھمەت قىلسۇن، ھەي باغنىڭ ھىمايىچىسى، بىزگە مېھرى-شەپقەت قىلىپ، بىرەر يوليورۇق كۆرسەتكىن! — دەپتۇ. باغ قارائۇلى ئۇلارغا: — شورۇڭلار پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتسۇن، ئەي بىچارە، مىسكىنلەر! مەن سىلەرنى باغقا كىرگۈزىدىغان چاغدا قانداق شەرت قويغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ھېچقانداق نەرسىگە چېقىلماسلىق، زەرەر يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىشنىمۇ قىلماسلىق توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئەمەسمۇ؟ قانداق بولسىمۇ بۇ نىيىتىڭلاردىن يېنىڭلار، — دەپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۆز سۆزلىرىدىن قايتماي: — مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، بۇ مېۋىدىن ئازراق يېمىسەك بولمايدۇ. بىزگە رەھىم قىلىپ ئازراق ھېيلە-مىكىر ئۆگەتكىن، — دەپ يېلىنىپتۇ. قارائۇل بىردەم ئويلىنىۋېلىپ: — ئۇنداق بولسا، ھەي قارغۇ، سەن ئورنۇڭدىن تۇرسەڭدە ماۋۇ لەقۋا دوستۇڭنى ئوچاققا ھاپاش ئېلىپ، ئۇنىڭ يېگۈسى كەلگەن ئاشۇ مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئاستىغا ئېلىپ بارسەڭ. لەقۋا قولىنى يەتكەن يەرگىچە ئۈزۈتۈپ مېۋىلەرنى ئۈزۈۋالسۇن، — دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن لەقۋانى ئەما يۈدۈپ مېڭىپتۇ، لەقۋا ئۇياققا ماڭ، بۇياققا ماڭ دەپ يول كۆرسىتىپ مۆلچەرلىگەن دەرەخنىڭ ئاستىغا يەتكەندە، لەقۋا مېۋىلەرنى خالىغانچە ئۈزۈشكە باشلاپتۇ. ئۇلار باغدىكى مېۋىلەرنى ھەر كۈنى شۇنداق قىلىپ يەۋېرىپتۇ. بىر كۈنى باغۋەن باغقا كەلگەندە، بۇلارنىڭ ئەتكەنلىرىنى كۆرۈپ: — مىڭ لەنەت سىلەرگە! بۇ قانداق خىيانەت؟ مەن سىلەرگە

بەت 213

باشلىلا باغدىكى نەرسىلەرگە چېقىلماڭلار، دەپ تاپىلىغان ئەمەسمىدىم، — دەپتۇ. شۇ چاغدا ئۇلار باغۋەنگە: — بىزنىڭ ھېچنېمىگە چېقىلمايدىغانلىقىمىزنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، بىرىمىز ئورنىمىزدىن تۇرالمايدىغان لېقۋا، بىرىمىز ئۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرنىمۇ كۆرەلمەيدىغان ئەما. شۇنداق تۇرسا، بىزنىڭ گۇناھىمىز نېمە؟ دېيىشىپتۇ. باغۋەن خاپا بولۇپ: — سىلەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىڭلارنى، بېغىمنى قانداق خاراب قىلغىنىڭلارنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ ھەي قارىغۇ، سەن بۇ ئىشتا ئاۋۋال ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، لېقۋانى ئوچاقدا ھاپاش ئېلىپ ماڭغان. ئۇ ساڭا يول كۆرسەتكەن، سەن ئۇنى، ئۇ ئېيتقان دەرەخنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ بارغان. ئۇ مېۋىلەرنى خالىغانچە، قولى يەتكۈنچە ئۈزۈشكە باشلىغان، — دەپتۇ — دە، باغۋەن ئۇلارنى ئۇرۇپ باغدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. مانا «تەن» ئاشۇ قارىغۇ ئەمەگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت جان بىلەنلا كۆرىدۇ. لېقۋا، ھەرىكەت قىلالماسلىقتا جانغا ئوخشايدۇ. ئۇ پەقەت تەننىڭ ۋاستىسى بىلەنلا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمما باغ بولسا، بەندىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن بېرىلمەكچى بولغان مۇكاپاتنىڭ ئۈلگىسى، باغ قارائۇلى بولسا كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەپ، يامان ئىشلاردىن قايتۇرىدىغان ئەقىلنىڭ مىسالى. بەس، شۇنداق ئىكەن تەن بىلەن جان (روھ) مۇكاپاتلىنىش ۋە جازالىنىشتا تەڭ شېرىك — دەپتۇ.» يۇقىرىقى ھېكايىدا گەرچە تەن بىلەن روھنىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتى چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزگە لازىملىق يەنە بىر ھەقىقەت ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. يەنى ئادەم ھاياتتا نېمىنى، قايسى يولنى تاللايدۇ. ھەقىقەت يولىنىمۇ ياكى ئازغۇن يولنىمۇ، بۇنىڭغا نېمە قوماندانلىق قىلىدۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادەمنىڭ پائالىيىتىگە ئەقىل قوماندانلىق قىلىدۇ، دەيدۇ. بىراق ئەقىل

بەت 214

ئىلىم - مەرىپەتسىز يورۇمايدىغان چىراغ، تەلىم - تەربىيىسىز چاقنىمايدىغان چاقماق، دەپ بىلىمنى ئەقىلنىڭ يورۇتقۇچىسى دەپ قارايدۇ. ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى، يامانلىقتىن توسقۇچى باغ قارائۇلى، دېگەنەدەك ئۇنىڭ روھقا قانداق مەنىۋى ئوزۇقلارنى بېرىشى، قانداق يۆنىلىشكە باشلىشى روھنىڭ تەن بىلەن بولغان جېڭىدە غالىب چىقىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بايان قىلغان تەركىدۇنيالىقنى تەرغىب قىلغۇچى، دۇنيانى قارىلىغۇچى ئودغۇرمىش خاتا تەلىم - تەربىيىنى، ئەسلى قانۇنىيەتكە مۇخالىپ دۇنيا قاراشنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، تەننى خورلاش ئارقىلىق روھنى ئازاد قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن تونۇشقا كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىگىمۇ، دىنىي ئەقىدىگىمۇ قارشى يول بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىش يولى ئىدى. ئۇلار گەرچە: كېپەك، ئارپا ئاش بولسا بولدى، كىيىشىمىز تاغار تون بولسا بەس، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ كېپەكمۇ، ئارپىمۇ، تاغارمو مېھنەتسىز كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەسمۇ؟ ئادەم ئۆي - ئوچاقلىق بولمىسا ئۆزىنىمۇ بۇ دۇنياغا تۆرەلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمىغانمۇ؟ تەلىم - تەربىيىدىكى خاتا يېتەكلىشى ئەقىدىنىڭ بىر تەرىپىنى كۆرۈپ، يەنە بىر تەرىپىنى كۆرەلمەسلىك، ئابستراكت مەقسەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا يېتىشتىكى ۋاستىگە سەل قاراشقا ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ھاياتلىقنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ۋە كامالەتنىڭ ۋاستىسى بولغان بۇ دۇنيانى ئىنكار قىلىشقا يېتىپ بارغان. گەرچە ئۇلار ئۆز دەۋرىدە يۇقىرىقى ئازغۇنلۇقلىرى بىلەن قىلغان قۇرۇق ئىبادەتلىرىنى تەقۋادارلىق دەپ چۈشەنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى يازمىش تەقدىر - ئىرا دېگە مۇخالىپ يول تۇتقانلىقى بىلەن گۇناھكار بولغان. بۇ خىل مەسلەك بويىچە تەربىيە كۆرگەن نۇرغۇن - نۇرغۇن «مەشھۇر» كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئۇستاز بولۇپ ھۆرمەتلىنىشكە سازاۋەر بولغان خوجائەھمەت يەسەۋى، مۇ[Footer] 206

بەت 215

ھەممەت غازالى، جالالىددىن رۇمى، باھاۋۇددىن نەقشبەندى قاتارلىق كىشىلەر گەرچە ئالىملىقتا ئۇلۇغ ناملارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەسلىكى - سۈلۈكى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىلىم نۇپۇزلىرىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى يەنىلا ئۇلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ئەندىزىسى توغرىسى خاتا بولغاچقا، كىشىلەرنى تەرەققىياتقا، گۈللىنىشكە، كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. ئادەم كىمنىڭ قانداق تەربىيىسىنى قوبۇل قىلسا، شۇنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان گەپ ئىكەن. ئۇلار ئائىلىسى ۋە ئۇستازلىرىدىن ئالغان خاتا تەربىيە ئەندىزىسىنى ئۆز قابىلىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سىڭدۈردى. نەتىجىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا نەچچە ئون ئەۋلاد ئۈچۈن يۇقىرىقى خاتا تەلىم - تەربىيە ئەندىزىسى مىراس قىلىنغان. چۈنكى سولچىلىقنى سېغىزئالماقمۇ تەس، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشمۇ مۇشكۈل.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشىدىن قارىغاندا، ئۇ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئەڭ ئىلغار دۇنيا قاراشنىڭ، ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنىڭ تەلەپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىلىمنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ روھىغا سىڭگەن ئىلغار، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەسلى ئېتىقادنىڭ تەلەپى ئەكس ئەتكەن تەلىم - تەربىيە ئۇنىڭدا مۇستەھكەم بىلىش، تەۋرەنمەس ئېتىقادنى تۇرغۇزغان. ئۇ ئۆزىدە يېتىلگەن بۇ ئىلغار چۈشەنچە ۋە ئاڭ بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى ئەۋلادلارنى تەربىيىلىنىش تەرەققىيپەرۋەر ئەندىزىسىنى قۇرۇپ بېرىپلا قالماي، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ ئومۇمىي ئىدېئولوگىيىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەۋلادلارنى ھاياتنىڭ گۈزەل ئىستىكىدىن بەزدىرىدىغان، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك بالاسىنى سالىدىغان تەركىدۇنيالىق ئېقىمىغا قارشى مۇنداق ئېتىقادنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئاللا ھەممە بەندىلىرى ئۈچۈن ئىككى ئۆي ياراتتى، بىرىنىڭ نامىنى جەننەت، يەنە بىرىنىڭ نامىنى دوزاخ ئاتىدى. مۇرىتلاۋاتقان

207

بەت 216

ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ چاپسىمۇ، ھەتتا تائەتنى تاشلاپ، مال - دۇنيا توپلاپ دوزاخ يولىنى تۇتسىمۇ، يەنىلا تەڭرىنىڭ جەننىتى قۇرۇق قالمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق ئاتا قىلدى. بىرىنى بۇ دۇنياغا باقسۇن، يەنە بىرىنى ئۇ دۇنياغا باقسۇن دەپ. ئىككى قولىنىڭ بىرىنى بۇ دۇنياغا، يەنە بىرىنى ئۇ دۇنياغا سۇنسۇن دېدى. يۈرۈش ئۈچۈن ئىككى پۇت ئىرا دە قىلىپ، بىرىنى باقى دۇنيا، يەنە بىرىنى پانى دۇنيا ئۈچۈن باسسۇن»، «خۇدا ئىنسان بالىسىنى ئادەمىيلىك نامى بىلەن قورسىقى ئاچىدىغان ۋە تويىدىغان قىلىپ ياراتتى. تىرىكلىك ئۈچۈن ئۇچىغا كىيىم، قورساققا يېمەكلىك لازىم. بۇنىڭدىن كېچىپ بولمايدۇ. ھالالدىن بايلىققا ئىگە بولساڭ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بول، يوقسۇللارغىمۇ ئۈلەشتۈرۈپ بەر. ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن قورقۇپ تۇر ھەم ئۇنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىشتىن ئۈمىد ئۈزمە، بەندىلىك دېگەن مانا شۇ ئىككى ئاريدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ يۆلدىن ھەرگىز ئاداشما. ئادەم گۇناھىم كۆپ دەپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى، تائەت ئىبادەتكە تەمەننا قويۇپ ئەمەلدىن باش تارتماسلىقى لازىم. ياخشى ئەمەللەرنى قىل، ياخشى ئەمەللەر بەندىلىكنىڭ قەرزى.»

يۇقىرىقى كۆزقاراشلار ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى ئىسلام روھىدىن ھاسىل قىلىنغان. بۇ دۇنيا ئىنسانىيەتنىڭ قىيامەتكىچە تىرىكچىلىك قىلىپ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىدىغان، ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان رىزقى - نېسىۋىگە ئېرىشىدىغان مەئىشەت ئالىمى. ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ بۇ دۇنيانىڭ راھىتىنى ھارام قىلغان ئەمەس، بەلكى تىرىكچىلىك ۋە بەخت ئۈچۈن تىرىشىشنى پەرز قىلىپ بېكىتكەن. ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈش ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يۈز ئۆرگەنلىك بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق دەۋەتلەر بار ئىدى.

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشەنچ، ئۈمىد بىلەن ياشاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۈمىدسىزلىكنى مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقى ئەمەس،

بەت 217

دەپ قارايدۇ. كىشىلەرنى ئەجىر- مېھنەت ئارقىلىق ئاللانىڭ پەزلىدىن رىزقىنى تەلەپ قىلىشنى تەكىتلەيدۇ.

بەندىلەرنىڭ موھتاجلىق ۋە نامراتلىقتا ياشىشى ئىسلامى دەۋەت ئەمەس. ئاللا ھېچقاچان ئىنسانلارغا يەر يۈزىدىكى مەئىشەتنى، بايلىقنى ھارام قىلغان ئەمەس. بەلكى موھتاجلىق ۋە نامراتلىقتىن پاناھ تىلەشكە بۇيرۇغان. ئەمەلىيەتتە باياشاتلىق ئاللانىڭ رەھمىتىگە كۆپرەك شۈكۈر ئېيتىشقا، سەخىي بولۇشقا، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل- مال سەرپ قىلىشقا قۇربەتلىك قىلسا، نامراتلىق دېگەن كۇفرىغا يېقىنلا تۇرىدۇ. نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلار موھتاجلىقتىن يۈز بېرىدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» نىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنچە مول نېمەتلەرنى ياراتقانلىقى، بىراق ئىنسانلارنىڭ يەنىلا قانائەت قىلماي، ئاز شۈكۈر قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن: «ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق» (18- سۈرە 7- ئايەت). يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى: ئاللا بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شىرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى» (ئەئران 32- ئايەت). بۇ يەردىكى مەنىدە ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلار ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر دەپ ئايرىلمايۋاتىدۇ. بەلكى بارلىق مەئىشەتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق ياراتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ دۇنيادا بىر كەتەمنى ئارتۇق چاپقان دىنسىز ئادەم ئەزىز، كەتەمەن چېپىشقا ھۇرۇنلۇق قىلغان مۆمىن خاردۇر. تارىختىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر مانا شۇ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلماي، خاتا يول تۇتۇپ ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ خارۇزار بولدى. ئىبادەت بىلەن ئەجىر- مېھنەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىدى. شەيخ سەئىدى مۇنداق بىر ئىبرەتلىك مىسالنى كەلتۈرگەن: بىر سەھەر بىر بوۋاي تىلەمچىلىك قىلىپ بىر مەسچىتنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپتۇ. مەسچىتتىكىلەردىن

بەت 218

بىرى ئۇنىڭغا: — ئاتا، بۇ يەر كىشىلەرنىڭ ئۆيى ئەمەس، بۇ يەردە تۇرماڭ، — دەپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭدىن: — ئۇنداقتا بۇ كىمنىڭ ئۆيى ۋە نېمە قىلىدىغان ئۆي، ئىشىكىگە كېلىپ تىلىگەنلەرگە بىر نەرسە بەرمەمدۇ، — دەپ سوراپتۇ. — بولدى، بەس! خاتا گەپ قىلدىڭىز. بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى، ھەممىمىزنىڭ ئىگىمىز ۋە پەرۋەردىگارىمىز، — دەپتۇ ھېلىقى كىشى.

بۇ سۆز بىلەن بوۋاي مېھرابقا ۋە ئاسما چىراغلارغا قاراپ، چوڭقۇر بىر ئاھ تارتىپ مۇنداق نالە قىپتۇ: «بۇ يەردىن كېتىپ تىلىكىمگە ئېرىشەلمىسەم ماڭا ئۇۋال بولىدۇ. بۈگۈنگىچە ھېچ يەردىن قۇرۇق قول قايتمىدىم، جانابى ھەقنىڭ ئىشىكىدىن قانداق قۇرۇق قايتىمەن؟ بۇ يەردىن قۇرۇق قول قايتمايدىغانلىقىمنى بىلگەچكە، تۇتۇنۇش قولۇمنى بۇ يەردە ئاچىمەن ۋە تەلەپ قولۇمنى بۇ يەردە ئۈزۈتمەنمەن.»

بۇ بوۋاي بۇ مەسچىتتە بىر يىلچە تۇرۇپ، ھەمىشە قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھقا مۇناجات قىلىپتۇ: بىر كېچە ئۆمرىنىڭ ئايىغى ئاخىرىغا چۈشۈپ، ئاجىزلىقتىن يۈرىكى سېلىشقا باشلاپتۇ. سەھەردە بىرىلەپ شام يېقىپ ئۇنىڭ بېشىغا بېرىپ قارىسا، كېچىچە يىغلاپ، تاشقا يېقىن تۈگىي دەپ قالغان شامدەك، تىنىقى تۇمشۇقىدىلا قاپتۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ بوۋاينىڭ لەۋلىرىدىن: «سېخىي ئاللانىڭ ئىشىكىنى كىم قاقسا ئېچىلىدۇ» دېگەن سۆز چۈشمىگەن ئىكەن①. يۇقىرىقى ھېكايىنى سەئىدى، قانائەت، سەۋر ئۈچۈن مىسال ئالغان بولسىمۇ، ئىسلامدا تەكىتلەنگەن سەۋر ۋە قانائەت بۇ ئەمەس، ئىسلامدا ئاجىزلىققا، نامراتلىققا، خار-زارلىققا، زۇلۇمغا سەۋر قىلىش يوق. قانائەتمۇ پۇلنىڭ ئاز بولۇشى ياكى كۆپ بولۇشى.

① سەئىدى «بوستان» 157 - 158 - بەتلەر.

210

بەت 219

شىغا باغلىق ئەمەس. ئىنتايىن باي ئادەملەرمۇ قانائەت قىلالايدۇ ھەم ئىنساپسىزلىق قىلالايدۇ، نامراتمۇ قانائەت قىلالايدۇ ۋە قانائەتسىزلىك قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا بۈگۈن ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئىبادەت قىل، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئەجىر - مېھنەت قىل دېگەن ھېكمەت بار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەرسىڭلار بىرەر كۆچەتنى تىكىش ئۈچۈن قوللىرىڭلاردا تۇتۇپ تۇرغان ۋاقىتتا قىيامەت قايىم بولۇپ قالسا، قايىم بولۇشتىن ئىلگىرىرەك ئۇنى تىكىۋېتىشكە كۆزۈڭلار يەتسە ئەلۋەتتە تىكىۋېتىڭلار.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ناماز ئوقۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆزۈم مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار» (سۈرە جۈمئە 10 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، تەلەپ قىلىش دېگەن ھالال مېھنەت قىلىش ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ تەپسى سېيرىماق بىلەن ئەمەس. مەسچىت دېگەن پاكلىنىش ئۆيى، دۇنيا دېگەن مېھنەت ئېتىزى، مەئىشەت ماكانى. ئىسلام دۇنياسىدا تەۋەككۈل قىلماق بىلەن سەۋەب قىلماقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا شەھەرلىمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن تراگېدىيىلەر بارلىققا كەلگەن. «سىلەردىن بىرىڭلار ئارغامچىنى ئېلىپ بېرىپ ئوتۇن تېرىپ كېلىپ (سېتىپ) جان باقسا، مەيلى بەرسۇن، مەيلى بەرمىسۇن، بۇ، كىشىلەردىن تىلەمچىلىك قىلىپ جان باققاندىن كۆپ ياخشى» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەسلى شۇنداق دەپ قاراشقا بولىدۇكى، سەئىدى تىلغا ئالغان ئاتالمىش «سەبىر» ۋە «قانائەت» قىلغۇچى ئەمەلىيەتتە قانائەتنى، شۈكۈرنى، سەبىرنى ئۇنتۇغان نائىنساپتۇر. ئۇنىڭ قىلمىشلىرى مونو ئايەتتە دېيىلگەن ناشۈكۈرلۈكنىڭ ئۆزى شۇ: «ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىبەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن» (قەسەس 77 - ئايەت) يەنە مۇنداق دەيدۇ: «(دۇنيا نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن نەرسىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىدە

211

بەت 220

پايدىلىنىلغان نەرسىلەردۇر.» (شۇئارا 36 - ئايەت). يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن - كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان شەيئىلەردۇر.» (ئال ئىمران 14 - ئايەت). ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى رىزقىنى ئاسماندا ئەمەس، بەلكى زېمىندا بەلگىلەنگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ: «ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى.» (فۇسسىلەت 10 - ئايەت).

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىسلام دىنىنىڭ يۇقىرىقى پرىنسىپال ئەقىدىسىنى چوڭقۇر ۋە توغرا ئۆزلەشتۈرگەن. ئۇ ناھايىتى يۈرەكلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن ئىسلام تۇغىنى كۆتۈرۈۋالغان ئازغۇنلارغا قارشى تۇرالمايدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتنى، ماددىي دۇنيانى، ئەمەل - مەنسەپنى ئۆتكۈنچى نەرسە دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇ دۇنيانى ئۆتكۈنچى نەرسە دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۇ ھاياتلىقنى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۈزلۈكسىزلىك، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ دۇنيانى نېمەت داستىخىنى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ: بۇرۇن نۇرغۇن ئادەملەر بۇ داستىخانغا داخىل بولۇشتى ھەم يەپ - ئىچتى، ھەم كېتىشتى، ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى. بۇ نېمەت داستىخىنىنى قۇرۇقداپ قويماي، كېيىنكىلەر ئۈچۈنمۇ نېمەتلىرىنى قالدۇرۇشىمىز كېرەك، دەيدۇ. مانا بۇ ئۈمىدۋارلىق ۋە ئەۋلادلارنى، كەلگۈسىنى ئويلاش، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىدى. مانا بۇ كېيىنكى ئەسىرلەرگە كەلگەندە: «بۇ زېمىندا كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن شۇئار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتقا مانا شۇنداق يۇقىرى تەلەپ قويۇشقا ئادەتلەندۈرۈلگەن. ئۇ ھەم ئەۋلادلارغا شۇنداق يۇقىرى تەلەپ قويۇپ تەربىيىلىگەن.

بەت 221

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانائەت تەربىيىسىدە ھەرگىزمۇ دۇنيا نېمەتلىرىدىن ۋاز كېچىش، نېمەت قوغلاشماسلىق، تەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرماسلىق تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئۇ ئىككى ئاريدا نورمال، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەكىتلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىدىكى تەركىدۇنيا ئېقىمىغا ئېغىشىپ كەتمەي تەن بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلىپ ئەسلى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىگەن ئالىم. ئۇ ئەۋلاد تەربىيىسىدە مۇشۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلمىغاندا چوڭ يېڭىلىشىش ۋە ئازغۇنلۇق كېلىپ چىقىپ، جەمئىيەتنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى بۇرۇن تونۇپ يەتكەن. ئۇ بىر تەرەپتىن خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئىلىم - مەرىپەت بىلەن ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانىي كامالەتنى، ئەسلى تەبىئەتنى تېپىش جەھەتتە، زۇلۇمغا، تەڭسىزلىككە، قانۇنسىزلىققا تاقەتسىزلىك بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، ئىنسانىي پەزىلەت نۇقتىسىدىن چىقىپ ئەۋلادلارنى بەختسىزلىككە سۆرەيدىغان چەكتىن ئاشقان قانائەتسىزلىككە، ناشۈكۈرلۈككە بېرىلىپ كەتمەسلىكنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھاياتتا قانائەت بىلەن ياشىغان ئادەم سائادەتلىك ئىدى، قانائەتسىز ئادەم مەڭگۈ بەختلىك بولالمايتتى. ئۇ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «بىرى كۆپايە دېيەلىگەن ئادەم بەخت - سائادەتلىكتۇر.» (3797) بۇ ئۇلۇغ ھېكمەت پەرەزنتلەرنى ماددىي مەئىشەت جەھەتتە قانائەتچان بولۇشقا، ئاچ كۆز، نەپسىنىيەتچى بولماسلىققا يېتەكلەيدىغان يادرولۇق پىكىر. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «تولۇق باي بولاي دېسەڭ، بارغا قانائەت قىل» (4282). «بۈيۈك يېقىنلىقنى ئىزدەيسەڭ،

بەت 222

تەمەخورلۇقتىن ساقلان. يۈزۈم يورۇق بولسۇن، دېسەڭ ھەق - ناھەق مەسىلىسىدە لىللا مەيداندا تۇر.» ئۇ يەنە شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن قانائەتچان بولۇش، ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قانائەتسىز بولۇشنى تەكىتلىگەن. «ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتىنى دېمە، ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلى، سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ» دېگەن دىئالېكتىك بىرلىك مۇناسىۋىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىنسان بولۇش تەلەپى روشەن ئەكس ئېتىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ئەقىل بىلەن تەربىيىلەنگەن بالىلار ئۇلۇغۋار غايە ئۈچۈن بولغان مۇشەققەتلىك كۈرەش ئىچىدىمۇ ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ئادەم دەپ ھېسابلىيالايدۇ. ئۆزىنىڭ زېھنى كۈچىنى، ئەقىل - پاراسىتىنى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى گالنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا ئەسىر قىلىپ قويۇشتىن ساقلاپ، «بىرى كۆپايە» دېگەن قانائەت بىلەن ئۆزىنى بەختىيار قىلالايدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن «توققۇزى تەل بولغاندا ئادەم ئۆلىدۇ» دېگەن يەكۈن بار. بۇ يەكۈن «قۇتادغۇبىلىك» تىمۇ ئىپادىسىنى تاپقان. مەھمۇد قەشقەرى نەقىل كەلتۈرگەن بىر پارچىدىمۇ: «زامان ئۆتەر كىشى تويماس، ئادەم بالىسى مەڭگۈ قالماس»① دېگەن ماقالنى بېرىدۇ. قانائەتلىك ئادەم بارغا قانائەت قىلىدۇ، يوقى ئۈچۈن پۇچىلانمايدۇ، ھەسەت قىلمايدۇ، تەمە بىلەن زورۇۋانلار ئالدىدا پۈكلىنىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ غېرىبانە كەپىسىنى شاھلارنىڭ ئوردا - قەسىرىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. چۈنكى كەپە قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئەركىن ئارامگاھى، ئۇنىڭدا پۇت - قولىنى ئەركىن سۇنۇپ بەھۇزۇر ئولتۇرالايدۇ. ئۇ ھەرقانچە يېقىملىق كۆرۈنسمۇ، ھەرگىز پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۇنىڭغا تەۋەلىك بولۇپ قالمايدۇ. يېتەلمەيدىغان يەرگە ئاياغ بېسىش، پايانى بولمىغان.

214

بەت 223

غان دېڭىزدا ئۆزۈش ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ قۇربىتىگە يارىشا تىرىشچانلىق قىلىشى، ئېرىشكەن نېمىلىرى ئۈچۈن مىننەتدار بولۇپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشى ئەڭ ئەقلىي تاللاش بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋائىي ساۋاق بېرىپ مۇنداق بىر تەمسىلنى بېرىدۇ: «بىر كىشى ئۆي سېلىش ئۈچۈن تام ئەتمەكچى بولسا، ھەممىگە مەلۇمكى، خىشنى تامغا چەك باستۇرۇپ قويىدۇ. يەنى، بىرىنچى قېتىم قويۇلغان ئىككى خىشنىڭ ئۈستىگە خىش قويغاندا، خىشنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى پارچە قالدۇق پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇ پىلان بىلەن مىڭ، ئىككى مىڭ خىش قويۇلسا، بۇ خىل پارچىلار پەيدا بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. تامنى تۈزەش ئۈچۈن يەنە خىش قويساق، خىش قويغانسېرى يەنە كۆپ پارچىلار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ پارچىلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن خىش قويۇۋەرسەك، پۈتكۈل يەر شارىغا تام ئېتىشكە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان خىيالنى قىلىش توغرا ئەمەسكى، ئاخىرلاشتۇرۇش ئىمكانى يوقتۇر. ئەگەر ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىسا، يەنە كۆپ پارچىلار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە مىڭ، يۈز مىڭ… چېكىسىز ئارتىپ كېتىۋېرىدۇ. ئۇنى تۈزەش مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن خىشنى پارچىلاش بىلەن پىلاندىكى تامنى پۈتتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ»①.

ناۋائىي يۇقىرىقى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى مۇنداق يېشىدۇ: ئادەملەر دۇنيا ئىشىدا كۆڭلى خالىغان ۋە ئادەمىيەت تائىپىسى تەقەززا قىلغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىش بىلەن تىرىشىپ تىلىگىنى تاپسا، يەنە ئۇنى تولۇقلاش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن يۈز ھەسسە كۆپرەك ئېھتىياج ۋە تەلەپ تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇنى تاپسا يەنە كەمچىلىك ھېس قىلىدۇ. ئاخىر قولغا كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان تەشۋىشلەرگە يېتىپ بارىدۇ… بۇ خىل تۈگىمەس تىلەكنى

بەت 224

ھەل قىلىشنىڭ چارىسى، يەنىلا ئادەم تەبىئىتىدە بولغان بىر مۇنچە ماددىي ۋە ئارزۇدىن كېچىشتۇر.»

دېمەك، ئەلمىشەر ناۋايى مۇمكىنچىلىكى بولمايدىغان مەنپەئەت ۋە بەھرىمەنلىك تەمەسىدە ھەسرەت - نادامەت چېكىشلىكنىڭ بىرلا يولى قانائەت تىغى بىلەن بەزى ياۋا پۇتاقلارنى كېسىش ياكى ھاندۇۋا بىلەن خىشنى پارچىلاش ئارقىلىق مۇھتاجلىقنى ھاسىل قىلىش مەسىلىسىنى بېرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنچىلىك قائىدىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن جامى يەتمەيدىغان، ئۆزىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن رەنج - مۇشەققەت چېكىپ، ئۆزىگە چىرايلىق نان بېرىۋاتقان كەسىپكە قانائەت قىلماي، باشقىلارنىڭ تاپقىنىغا كۆز قىزارتىپ، ئۆزىگە تەن بولغان كەسىپنى تاشلاپ، ئۆزىگە يات بولغان كوچىلاردا مېڭىشقا قىزىقىدۇ. نەتىجىدە ئۇ بارسا - كەلمەس يولدا پۈتۈن خانۇمانىدىن ئايرىلىپ قاقشاشقا قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر رۇبائىيسىدا مۇنداق يازىدۇ:

3830 تېپىپ ئالمىغۇنى ئىزدەمە كۆچۈپ، تىلەپ بولمىغۇنى تىلىمە كۆچۈپ.

3831 يېتەلمەيدىغان يەرگە بارما ياياق، ئەگەر بارساڭ ئەمگەك چېكەرسەن ھە دەپ.

ئومۇمەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەددىدىن ئارتۇق قانائەتسىزلىك ئادەمنى ئاچ كۆز، نىيىتى بۇزۇق، قارا نىيەت قىلىدۇ، دەپ قارىغاچقا، پەرەزەنتلىرىگە ماددىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە توغرا، ھالال مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ قانائەتسىزلىك گىرىپتار قىلىدىغان ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئادەمگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «دۇنيا ھېرىسمەنلىكىنىڭ ھەممىسى ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئېچىرقاشقان

بەت 225

كىشىدىن كىممۇ تويغان. كۆزى تويغان، قارنى - كۆكسى كەڭ، قانائەتچان بىرى مۇنداق دېگەن: ئاچ كۆز كىشى پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇ باي ئەمەس. ئۆزى باي بولسىمۇ، كۆزى ئاچ كىشى ھەقىقىي نامراتتۇر. ھەقىقىي باي قانائەت ئىگىسىدۇر. ئاچ كۆز ئادەمگە باي بولۇشمۇ ھېچقانچە ھۇزۇر بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ئىسسىت دېگۈلۈك. مال - دۇنيا ئۇلارنىڭ كۆزىنى تولدۇرالمايدۇ.» (5324 - 5390) يۇقىرىقى بايانلار ھەقىقەتەن ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر تەرىپىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەرزەنتلىرىگە ئەگەر مۇنداق يامان تەبىئەت سىڭىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ خاتىرجەملىك يۈزىنى كۆرمەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا پەرزەنتلەرگە قانائەت تەربىيىسى بېرىش ئۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇھىم. بونى ھەر بىر ئاتا - ئانا چوڭقۇر ھېس قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېكىست. چۈنكى، قانائەت يوق يەردە بەختمۇ يوق، پاكلىقمۇ يوق.

ئەلىشىر ناۋائىي قانائەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: … قانائەت بىر بۇلاقتۇركى، سۈيىنى ئىچىش بىلەن قۇرۇمايدۇ؛ خەزىنىدۇركى، ئۇنىڭدىكى مالنى ئىشلەتكەن بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ؛ ئۇ بىر تېكىنزاركى، چاچقان ئۇرۇق ئىززەت - ئابرۇي كەلتۈرىدۇ. ئۇ بىر دەرەختىكى، شېخى بېھاجەتلىك ۋە ھۆرمەت مېۋىسىنى بېرىدۇ. قانائەت كۆڭۈلگە ئوچۇقلۇق بېرىدۇ، كۆزگە يورۇقلۇق كەلتۈرىدۇ. قانائەتلىك دەرۋىشنىڭ قۇرۇق نېنى تەمخور پادىشاھنىڭ لەززەتلىك تاماقلىرىدىن ياخشىراق. پادىشاھ شوكى، ئالمىغاي، بەرگەی، گاداي شوكى، چاچمىغاي، تەركەی. كىمدىكى قانائەتكە ئادەتلەنگەن بولسا، شاھ، گاداي دېگەنلەردىن ئازاد بولغاي. تېرىكچىلىك ئۆيىنىڭ تارلىقىنى قانچە مۇبالىغە قىلساڭ بولىدۇ، قانائەت بىر قورغانكى، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرسەڭ نەپسىڭ

بەت 226

يامانلىقتىن قۇتۇلسەن؛ ئۇ بىر تاغدۇركى، ئۇنىڭغا چىقساڭ دوست - دۈشمەندىن بىھاجەت بولىسەن، قانائەت چۈشكۈنلۈكتەك سېزىلسىمۇ، نەتىجىسى ئۈستۈنلۈك بولىدۇ، ئاجىزلىقتەك تۇيۇلسمۇ، نەتىجىسى كۈچلۈكتەك بولىدۇ. قانائەت بىر ئۇرۇقكى، نەتىجىسى بايلىق، دەرەخكى، مېۋىسى بىباھاتىلىك، ئۇ بىر مېيدۇركى، ئاچچىق، ئەمما نەتىجىسى تاماشاغا ئوخشاش، ئۇ بىر يولدۇركى، قاتتىق، ئەمما مەنزىلى شادلىق. قانائەت قانچىكى راھەت كەلتۈرسه، تەما ئازاب ۋە زالالەت كەلتۈرىدۇ. ئەسكىنىڭ مىجەزى ئەسكىنى ياقتۇرىدۇ. پەس تەبىئەتلىك، خارلىق ئەسكىگە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش خارلىق؛ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش تەنتەكلىكتۇر. كىمنىڭ ئادەت خۇلقى يامان بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن خەلق قاچىدۇ، ئۇ پەس تەبىئەتلىكىدە، خارلىقتا كامال تاپقان بولىدۇ؛ ئادەمىيلىكتىن زاۋال تاپقان بولىدۇ، ئاچ كۆزلۈك نومۇسنىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرىدىغان ئوت، ئىززەتنىڭ خامىنىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان، تەمكىن ۋە ۋاقار (تەمكىنلىك) نىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان شامالدۇر. تەمەخورغا نەرسە بېرىش شىرغا تاماق بېرىشكە ئوخشايدۇ. بىرىنچىسى، پەسلىرىنىڭ ئىشى؛ ئىككىنچىسى، چارپاينىڭ سۈپىتىدۇر. قانائەت بىر گۆھەردۇركى، خەلقنى مۇنداق ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە مۇنداق ئىككى بالادىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان ئادەتكى، بەكمۇ ياماندۇر. گويا ئىككىسى قوشكېزەكتۇر. ئاچ كۆزلۈك بىلەن تەمەخورلۇقنىڭ ھەقىقىتى بىر بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانائەت قىلغۇچىنى ئەزىز دەپتۇ، تەمەخورنى زەلىل (خار) دەپتۇ.

ھەر كىمگە قانائەت تەرىپى نىسبىتى بار، بارچە ئەل ئارا ئاۋازۇ ۋە ئىززىتى بار. ئۆلكىم تەمە ۋە ھېرىس بىللە ئۆلۈپتى بار، ياخشى - يامان ئىچرە زىللەت ۋە نۆمىتى بار.

بەت 227

( قانائەتلىك كىشى خەلق ئارىسىدا ئىززەت ۋە ئابرۇيغا ئىگىدۇر. تەماخور ۋە ئاچ كۆز كىشى ياخشى ھەم يامانلارنىڭ ئارىسىدا خار - زەلىلدۇر. )

2. قانائەتسىزلىك تەربىيىسى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئۈگىتىدۇ

پەرزەنت تەربىيىسىدە قانائەت بىلەن قانائەتسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىشنى ياخشى بىلىش كېرەك. تارىخىمىزدا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ھايات سىناقلىرىدا ئۇتتۇرۇپ قويدۇق.

ھەرقانداق ئاتا - ئانا ئۈچۈن پەرزەنت مۇقەددەس. ئائىلە قۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ پەرزەنتلىك بولۇپ، ئۇنى ئەل ئۈچۈن ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ جەمئىيەتكە قوشۇشتۇر. ئاتا - ئانا بالىسىغا مەڭگۈ ھامىي بولالمايدۇ، ئۇلار بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ، ئەۋلادلىرى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. پەرزەنت تەربىيىلەش تەلەپتە پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسى ماڭغان ئىزغا دەسسەپلا، شۇ يولنى ئۆزگەرتمەي داۋاملاشتۇرۇش ئەجدادلار كۈتكەن تەلەپ ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلار ئالدىنقىلاردىن ھالقىپ كېتىشى، پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىدىن ئۆتۈپ كېتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:

تولا كونا بىر سۆز مەسىلە كېلۇر، ئاتا ئورنى، ئاتى ئوغۇلغا قالۇر.

بەت 228

ئاتانىڭ ئېتى، ئورنى قالدى ساڭا، قوشۇلسۇن يەنە باشقا مىڭ - مىڭ ئاڭا.

دېمەك، تەرەققىيات دېگەن بىرىنىڭ ئورنىنى بىرى ھېچقانداق ئۆزگىرىشسىز بېسىش، بىرىنىڭ ئىشىغا ئەينەن ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى كېيىنكىلەر ئالدىنقىلاردىن ھالقىپ كەتكەندىلا ئاندىن جەمئىيەتتە، ئائىلىدە يۈكسىلىش بولىدۇ. دىئالېكتىكا دېگەن مانا شۇ. يۇقىرىقى تەلەپتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇنداق سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسىنى ئائىلىنىڭ تەرەققىياتىغا تەتبىقلاپ بايان قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئاتا بولغۇچى ھەرقانچە ئىستېداتلىق بولغاندمۇ پەرزەنت ئۇنىڭ باسقان ئىزىدىنلا ماڭسا ھەرگىزمۇ يېڭىلىنىش، گۈللىنىش، تەرەققىيات بولمايدۇ، چۈنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەخت دېگەن تەرەققىياتتا، يېڭىلىنىشتا بولىدۇ، كونا نەرسە كونا پېتى تۇرۇۋەرسە بەخت ياراتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

687 پۈتۈن كونا نەرسە يېقىمسىز بولۇر، يېقىمسىز يۈكى، كۆر، كۆڭۈلسىز كېلۇر.

688 يېڭى نەرسە بولسا كونا نە كېرەك، سەرە نەرسە بولسا، يامان نە كېرەك.

يۇقىرىقى بېيىتلار ئۆزىدە ناھايىتى چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھەقىقەتنى يۇغۇرغان بولۇپ، يېڭىلىنىش بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ، تەرەققىيات بىلەن بەخت - سائادەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئادەم دېگەن قانائەتسىز مەخلۇق، ئۇ ئەنە شۇ قانائەتسىزلىك ئىچىدە بەخت ئىزدەيدۇ، بەختنى تاپىدۇ ۋە بەختنى يارىتىدۇ.

بەت 229

ئەگەر قانائەتسىزلىك بولمىسا، ئىنسانىيەت قانداق مەنىۋى كۈچكە تايىنىپ ئىپتىدائىي تۇرمۇشتىن تەرەققىي زامانىۋى تۇرمۇشنى بەرپا قىلالايتتى. مۇنداق تەرەققىيات دىئالېكتىكىسىنى چۈشەنگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەۋلادلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ھالقىپ كېتىشكە، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىقتىدارىغا تايىنىپ يېڭىچە مۈلك-مۈلك نېمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

قانائەتسىزلىك ئىنسانلارنىڭ تۇغما تەبىئىتى. بۇ يەردە تىلغا ئالغان قانائەتسىزلىك ھەرگىزمۇ ئىنساپسىزلىق، نەپسىنىيەتچىلىك مۇقامىدىكى چۈشەنچە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئىنتىلىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئادەمدە مۇنداق ئىنتىلىش كۈچى بولمىغاندا، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن ھازىرقى زامانىۋى جەمئىيەتكە كېلەلمىگەن بولاتتى. ئادەم قەدىمكى ھارۋىغا قانائەت قىلغان بولسا، بۈگۈنكى زامانىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. ماشىنىغا قانائەت قىلغان بولسا، ئايروپىلاندا ئۇچۇش تەسەۋۋۇرىمۇ بولمايتتى. دېمەك، قانائەتسىزلىك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. شۇڭا، پەرەنتلەرگە بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە تەلەپلىرىدە ئەخلاقىي جەھەتتە ئىنساپلىق بولۇش بىلەن ھاياتقا نىسبەتەن تەلەپچان، ئىجادچان، ئىنتىلىشچان بولۇش تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. تارىختىن بۇيان ئەخلاقىي جەھەتتىكى قانائەت تەلەپ بىلەن تۇرمۇشقا بولغان قانائەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي، ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، نەچچە ئەسىر بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتەك ئاقىۋەتنى شەكىللەندۈردى. 11-ئەسىرلەردە ئىلىم-پەننە تايىنىپ ئاسمانغا چىقىش تەسەۋۋۇرىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار تاكى 20-ئەسىرگىچە قۇتۇر ئېشەكتىن قۇتۇلالماي كەلدى. زامان تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دەۋردىمۇ ئىپتىدائىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك…

221

بەت 230

لىك ئەندىزىسىنى بۇزۇۋېتەلمىدى. تۆمۈرچىلەر يەنىلا كونا تۇلۇمدا كۆرۈك بېسىۋاتىدۇ، موزۇدۇزلار قولىغا تۈكۈرۈپ يىپ موملاۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھاياتقا قويغان تەلەپىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە بەرگەن قانائەتسىزلىك تەلەپ، تەۋسىيىمىز شۇمۇ. بىز بۇنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنساپسىزلىق دەيمىز. ئادەم ئۆزىگە ھەقىقىي ئادەمدەك ياشاش، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، باشقىلاردىن ھالقىپ كېتىش تەلەپىنى قويالمىسا، ئۇنى ئىنساپسىز دېمەي نېمە دەيمىز. چۈنكى، ئۇ ئۆزىدە بار بولغان ئادەمىيلىك ئىقتىدارنى، يېڭىلىق يارىتىش، تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارىنى كونا، قاتمال ئىدىيىلەر بىلەن بوغۇپ، كېرىكسىز، يارىماس، شۈكۈر - قانائەتنىڭ قولىغا، خاتا ئىنساپنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىنساپسىزدۇر. ئۇنداق ئادەم باشقىلار ياراتقان، ئىجاد قىلغان نەرسىلەردىن نومۇس قىلماي بەھرىمەن بولىدۇ، ئۆزى باشقىلارغا نەپ بېرەلمەيدۇ، جەمئىيەتكە ھەم تۆھپە قوشالمايدۇ.

قانائەتسىزلىك ۋە تەلەپچانلىق تەربىيىسى پەرزەنتلەرنىڭ ئىچىدە مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى ئويغىتىدۇ. جەمئىيەتكە ۋە ئۆزىگە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدىكى بېقىندى، فارىغۇلاردەك ياشاش، كارى بولماسلىق پوزىتسىيىسىدە ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى نامۇۋاپىق ئىشلاردىن، سۈرەلمىلىك، قاششاقلىق، نادانلىق ۋە ھەر خىل ناچار كەپىياتلاردىن خورسىنىدۇ، جەڭ ئېلان قىلىش ئىچىدە بولىدۇ. ئۆزىگە نىسبەتەن باشقىلار بىلەن بىر دەۋردە ياشاپ تۇرۇقلۇق ئىلمىي، غايىۋى، چۈشەنچە ۋە بىلىملىرىنىڭ، ئىقتىدارىنىڭ تولىمۇ ئىبتىدائىي ھالەتتە قالغانلىقىدىن ئۆكۈنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ.

بىز «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىنىڭ ئالدى بىلەن يۇقىرى دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئاپتور زامانىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى، قانۇن - تۈزۈمنىڭ

بەت 231

ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكىدىن نالە قىلىدۇ، خەلقنىڭ ئەخلاقىي كەيپىياتىنىڭ ئىزىدىن چىقىپ كېتىپ جەمئىيەتنى بۇزۇقچىلىق قاپلاپ كەتكەنلىكىگە چىدىمايدۇ، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكى، ئەل ئارىسىدا پۇلغا چوقۇنۇش، كىمدە پۇل كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن سۇنۇشتەك قۇللۇق كەيپىياتىنىڭ ئەۋج ئېلىپ، ياخشىلار خارلىنىۋاتقانلىقىغا پۇچۇلىنىدۇ. «زامانىڭغا ئوبدان نەزەر سال، — دەيدۇ ئۇ كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، — ھەممە ئىش - ھالەتلەر پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ كەتتى. ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى، ئەل ئىچىدە يارماس، پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. مەي بىلەن يۈزىنى يۇيىدىغانلار مەرد - باتۇر ئاتىلىپ، پاك كىشىلەر خەسەس دەپ تونۇلۇۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى، خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ، جاپا غالىب كەلدى. قېرىنداشلار يېقىنلىقنى تاشلىدى، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتتى. كىچىكىدە ئەدەپ قالمىدى، چوڭىدا بىلىم كېمەلدى. قوپال، نادان كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى، پەزىلەت ئىگىلىرى ئازايدى. ھەممە يېقىنلىق پۇل - يارماق ئۈچۈنلا بولدى، ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. كىمدە كۈمۈش كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنى ئەمدى؟»① ئۇ جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن كىشىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. كىشىلەرنىڭ توغرا، دۇرۇس ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۆز دەۋرىدىكى تۈزۈمگە يۈرەكلىك جەڭ ئېلان قىلالايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەمئىيەتكە تەلەپچان بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆزىگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇ شۇنچە يۇقىرى ئىستېدات ئىگىسى تۇرۇقلۇق ئۆزىنى نادانلىقتا ئەيىبلەيدۇ، شۇنچە بۈيۈك

223

بەت 232

ئىشلارنى قىلغان تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى، ياشلىقىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىدىن ئېچىنىدۇ: «ئەپسۇس دەيمەن. يىگىتلىكىمگە ئەپسۇس! سېنى تۇتۇشنى بىلمەي قاچۇرۇپ قويدۇم. يىگىتلىكىمنى ئۆتكۈنچى بۇلۇتتەك يوقاتتىم، ھاياتىمنى شامالدەك تۈگەتتىم. ئەي يىگىتلىكىم، يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلگەن بولساڭ، ئالقىنىمدا كۆتۈرەتتىم، ئايىغىڭغا تاۋار-دۇردۇن سالاتتىم. ئەپسۇس ۋە مىڭ ئەپسۇسكى، ياشلىقىمنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ھەرقانچە تەقەززا بولساممۇ، ئۇنىڭغا قايتا مۇيەسسەر بولالمىدىم… دۇرۇسراق ئۆتەلمىگەنلىكىمگە قېرىلىقتىمۇ ئەيىب يوق ئىدى، ئەپسۇس، ھاياتىمنىمۇ بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتتىم. قېپىمدەك بويۇم ۋاقىتتەك دۇرۇس، تۈز ئىدى، ئېگىلىپ، مۈكچىيىپ يادەك بولدۇم. يېمەك-ئىچمەك بولسا ئۆيدەك يەپ-ئىچتىم، ھەۋەس قوغلىشىپ نۇرغۇن چاڭ توزۇتتۇم. گۇناھسىزلارنى گۇناھقا بۇيرۇپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەيىبلىدىم، تىل تەگكۈزدۈم، قول ئوزارتتىم. غالىب ئەللەردەك مەيدەمنى كېرىپ، مەغرۇرلىنىپ قىيادەك غادايدىم. مەن مەستلىكتىن ئويغانغان ئەردەك ھوشۇمغا كېلىپ، ئۆزۈمنىڭ يولدىن ئازغانلىقىمنى بىلىپ خۇدادىن بەك ئويالدىم. قېنى مېنىڭ ھاياتلىققا پايدىلىق ياخشى ئىشلىرىم، تىرىكلىك ئۇرۇقىنى قەيەرلەرگە تېرىدىم. نېمە تېرىغان بولسام شۇنى يىغدىم. نېمە يىغقان بولسام شۇنىلا تېپىلدىم. ئويغان، تىنمائى يىغلا، گۇناھقا پاتتۇڭ، يىلان، قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىدىغان بۇ بەدەننى نېمانچە سەمىرتتىڭ؟! ھەي مەست جان، ئويغان، بولمىسا ئۆزۈڭنى يوقاتقىنىڭ شۇ…» مانا بۇ قانائەتسىزلىك، تەلەپچانلىق تەربىيىسىنىڭ خاسىيىتى.

پەرزەنتلەردە يېتىلدۈرگەن بۇ خىل روھ ئۇلاردا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئويغىتىدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىنسان خاراكتېرىنى نۇرلاندۇرىدىغان چىراغ دەپ قارىساق، بىپەرۋالىق ئىنسان خاراكتېرىنى كۆمىدىغان گۆركار. چۈنكى، پەرزەنتلەردىكى مەردلىكمۇ، ۋىجدان[Footer] 224

بەت 233

مۇ، نومۇسمۇ، ئىتادىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ كۈچلۈك، ئاجىزلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، ئىتالىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى كالىگرى دانتې ئۆزىنىڭ «ئىلاھىيەت كومېدىيىسى» دېگەن ئەسىرىدە بىپەرۋا ئادەملەرگە قارىتا: «دوزاخنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك جايلىرى بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى سىنايدىغان مىنۇتلاردا بىتەرەپ تۇرۇۋالىدىغان ئادەملەرگە قالدۇرۇلغان» دېگەن. مەسئۇلىيەتسىزلىك پەرزەنتلەرنى بىپەرۋالىققا ئۆگىتىدۇ. ھەرقانداق قورقۇنچلۇق ھالەتمۇ بىپەرۋالىقتەك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى، بىپەرۋا ئادەم ئۇخلاپ ماڭغان يولۇچىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى، نە نىشانى بولمايدۇ، بىپەرۋا ئادەم ھېسسىياتتىن مەھرۇم بولغان قۇرۇق گەۋدىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇنداق ئادەم «جاھاننى سەل باسسا تەرەپ - تەرەپتە، ئېشەكنىڭ غېمى بولارمىش ھەلەپتە» دېگەندەك، بىر كۈنى ئۆتسىلا شۇنىڭغا شۈكۈر قانائەت قىلىدۇ، ئەتىسىنى ئويلىمايدۇ، ئۇلاردا تۇراقلىق مەۋقە، ۋىجدان، غۇرۇر دېگەن نەرسىلەردىن ئەسەر بولمايدۇ.

بىز ئاتا - ئانىلار شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، مەسئۇلىيەتچان نادان بىپەرۋا دانادىن يۈز ھەسسە ياخشى. بىپەرۋالىق دېگەن پەقەت ئىنسانىي تۇيغۇدىن مەھرۇم بولغان ئادەملەرنىڭ تۇتقان يولى. بىپەرۋا ئادەملەر بەلكىم چوڭ زىيانكەشلىكلەرنى قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە ئىچىگە تىنىپ جىمىجىتلىق ئىچىدە قىلغان رەزىللىكلىرى قاتىللارنىڭ زىيانكەشلىكىدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. «ناھەقچىلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ كارى بولماسلىق شۇ ناھەقچىلىككە قاتنىشىش بىلەن باراۋەر.» (روسسو) مەسئۇلىيەت پەرزەنتلەرگە ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغاتلارنى بېرىدۇ، بىپەرۋالىق ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى سوغۇقۇۋېلىپ زىخقا ئۆتكۈزۈشكە يارايدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن خاسىيەتلىك ئىشلار مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ساخاۋىتىدىن بارلىققا كەلگەن، يەنە نۇرغۇن مەھرۇملۇقلار بىپەرۋالىقتىن يۈز بەرگەن. شۇڭا، ئاتا -

225

بەت 234

ئانىلار بىر تەرەپتىن، بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن، پەرزەنتلەرمۇ ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش، مىللەت، دۆلەت ئالدىدا، ئەجدادلار ۋە ئەۋلادلار ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا بولغان تەلىم - تەربىيىدىن مەھرۇم قىلىپ قويۇلماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۈگۈنى تۈنۈگۈنىدىن ياخشى، ئەتىسى بۈگۈنىدىن قۇتلۇق بولىدۇ. ئاندىن مىللەتتە تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسالايدۇ - دە، سەپەردىن ھالقىپ كېتەلەيدۇ.


ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى خېلى كۆپ ئاتا - ئانىلاردا پەرزەنتلەرگە بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭى ناھايىتى تۆۋەن، ھېچبولمىغاندا پەرزەنتلەرگە مەقسەتلىك ھالدا ئىلغار بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈۋاتقان ئاتا - ئانىلار ئانچە كۆپ ئەمەس. شۇڭا، كىشىلەر بالىلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن قاقشاشماقتا. ھەقىقەتەن بەزى بالىلاردا جەمئىيەتكە، مىللەتكە، دۆلەتكە مەسئۇل بولۇش ئاڭلىقلىقى خېلى يىراق گەپ. ئاددىيسى، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە مەسئۇل بولالمىغۇدەك ئىقتىدارمۇ يېتىلمىگەن. تىرىكچىلىك، قورساقنىڭ غېمىگىلا قالغان كىشىلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ئالىي مەكتەپتە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرۈۋاتقان ۋە تەربىيە كۆرگەن كۆپچىلىك بالىلارنىڭ نېمىنى ئويلايدىغانلىقىنى، نېمىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تازا چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن بالىلارنىڭ روھىنى ئۈمىدسىزلىك تورى چىرمىۋالغان. ئۈمىدسىز ئادەمدىن ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتنى كۈتكىلى بولمايدۇ. بەزى بالىلارنىڭ گويالايىدىغىنى، كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تولىمۇ چاكىنا ئىشلار. يەنە بىر

بەت 235

قىسىملىرى خېلى تىرىشچانلىق قىلىۋاتقاندەك، بىر خىل غايىگە ئىنتىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، سۆزلىشىشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەقسىتىمۇ ئۆزىنىڭ كۆمىچىگە چوغ تارتىش ئىكەنلىكىنى، يەنى ئەپلەپ بىر يول تېپىپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىش تەمەسىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىش تولىمۇ ياخشى، بىراق ئۇنىڭ مۇئەييەن ياخشى بىر مەقسەت ئۈچۈن بولۇشى تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇنداق ئادەم يەنىلا نان كۆچۈكى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇلىيەتسىز ئەۋلاد خاراكتېرسىز ئەۋلاد ھېسابلىنىدۇ. خاراكتېرسىز، تۇتۇرۇقسىز ئادەم ھەرقانچە ئالىم بولۇپ كەتسىمۇ، جەمئىيەتكە كۆپ پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ، خاراكتېرسىز، ئەقىدىسىز ئالىم، دوكتورلاردىن كۆرە، بىزگە خاراكتېرلىك، ئەقىدىلىك ئادەتتىكى ئادەملەر كېرەك. خاراكتېرسىز، ئەقىدىسىز ئالىمنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان پايدىسىدىن، ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە كەلتۈرىدىغان زىيىنى نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئەقىدە بىلەن سۇغىرىلغان، قەيسەر خاراكتېر يېتىلدۈرۈلگەن بالىلار ئالىملىق شان-شەرىپىگە ئېرىشىپ قالسا، خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، فارابى، ئەلىشىر ناۋائىلاردەك بىر پۈتۈن دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، تەقدىرىگە، مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك تەڭداشسىز كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. ئۇلاردا ئەقىدە ۋە خاراكتېر كۈچلۈك بولغاچقا، مەسئۇلىيەتمۇ كۈچلۈك بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ پۈتۈن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبال مەنزىلىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغان. بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشاھلىرىغا: ھەي پادىشاھ، ساڭا خۇدا بۇ ئورۇننى تويماس نەپسىڭنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئاتا قىلمىدى، بەلكى پۈتۈن خەلقنى باياشاتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى. بىراق، سەن بۇ مەجبۇرىيىتىڭنى

بەت 236

ئادا قىلمىدۇق، خەلق دەرد تارتىۋاتىدۇ، زوراۋانلىق، زۇلۇم ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. قانۇن - تۈزۈم بۇزۇلدى. نۇرغۇن ئىشلار ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، بۇنىڭغا ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. سەن ئەگەر پادىشاھ بولىدىغان بولساڭ، ئېلىڭدىن زۇلۇمنى يوقات، بىرىنى بىرى ئېزىدىغان تەڭسىزلىكنى سۈپۈرۈپ تاشلا… . » دەپ خىتاب قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ خاراكتېر، ئەقىدە تەربىيىسىنىڭ خاسىيىتىدىن ئېتىلغان مەسئۇلىيەت ئولقىنى. ئۇلار ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، ھەققە دەۋەت قىلىۋاتقان چاغدا ھەرقانداق ئادەمدىن تەپ تارتىپ، ھايا قىلىپ ئولتۇرماسلىققا ئادەتلەندۈرۈلگەن.

بەت 237

سەككىزىنچى باب: پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش

پەرزەنتلىك بولغان ھەرقانداق ئاتا - ئانا بالىسىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياشاپ، تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، ئۆگىنىشتە، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۇتۇق قازىنىپ، شان - شەرەپ قۇچۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەمەلىيەتتە ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، پەرزەنتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاتا - ئانىلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بالا ئائىلىسىگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ شان - شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ يۈز كېلىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا مەغلۇپ بولغان بالا ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە يۈز كېلەلمەيلا قالماي، بەلكى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ - دە، ھايات مۇساپىسىدىن ھېچقانداق نىشان قالمايدۇ. بۇنداق ھاياتنى تىراگېدىيىلىك ھايات دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنداق تىراگېدىيىنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە يېتەكلىشى، مۇۋەپپەقىيەتكە رىغبەتلەندۈرۈشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خېلى كۆپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بەدەلسىز پەرزەنتلەر مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى ئاچالمايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرنىڭ غېمىنى يېيىش ئاتا - ئانىلارنىڭ قەرزى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ

229

بەت 238

غەمنى يېمىسە، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يەيدىغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ:

1163 بىر تۈركىي ئەزىر بەك ياخشى دەپتىكەن، كۆرەر كۆز يورۇقى ئوغۇل - قىز ئىكەن.

1164 ئوغۇل - قىز غەمى بۇ - تۈۋى يوق دېڭىز، ئوغۇل - قىز غەمىدىن سارغىايدى مېڭىز.

1165 كىشىنىڭ بولسا ئوغلى - قىزى، خوتۇنى، نېچۈك كۆرگەي ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇنى؟

1166 ئوغۇل - قىزنى دەپ يەر ئاتا، ئۆز ئېتىن، ① ئوغۇل - قىز ئاتماس ئاتانىڭ ئېتىن.

ئاتا - ئانا نېمىشقا بۇنچە غەم يەپ ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىدۇ؟ چۈنكى، ئوغۇل - قىز ئاتا - ئانىنىڭ كۆرەر كۆزى، يەنى ئاتا - ئانا دېگەن پەرزەنت ئۈچۈن ياشايدۇ. قايسى ئاتا - ئانا پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن پەرزەنتى ئۈچۈن ياشىمىغان، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆلۈپ، پەرزەنتى ئۈچۈن ياش تۆكمىگەن؟ بىراق: «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دېگەندەك، ئاتا - ئانا ئوغۇل - قىزلىرى ئۈچۈن شۇنچە بەدەل تۆلىسىمۇ، لېكىن ئوغۇل - قىزلىرى ئاتا - ئانىسىغا ئېتىنى ئاتمايدۇ، بىر ئاتا ئون بالىنى باقىدۇ، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالمايدۇ، بىراق، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى بېقىپ قويۇشىنى تەمە قىلىپ، پەرزەنت ئۈچۈن شۇنچە غەم يېمەيدۇ، بەلكى پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئەلگە

① ئېتىن - گۆشىنى دېگەن مەنىدە.

بەت 239

يارىشىنى ئۈمىد قىلىپ غەم يەيدۇ. ياراملىق بالا ئەل ئارىسىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ، ھاياتتا مەغلۇپ بولغان بالا ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈزىنى قارا قىلىدۇ.

1. بالا كىچىكىدىن باشلاپلا چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك

بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا چىڭ تۇتۇپ تەربىيىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممە ئادەم ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئەل ئارىسىدا «كىچىكلىكىدە ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۇھۈر باسقاندەك، چوڭ بولغاندا ئۆگەنگەن بىلىم قۇمغا خەت يازغاندەك بولىدۇ» دېگەن يەكۈن، خەلقىمىز ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋامىدا يەكۈنلىگەن پەرزەنت تەربىيىسىدە قايسى ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئومۇملاشتۇرۇلغان تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنىڭ بىرى. مەھمۇد قەشقەرى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مۇنۇ تەمسىلمۇ ئادەمنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشى كىچىكلىكىدە سېلىنغان ئاساسقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ: «ئۆي بولىدىغان كالا موزايلىقىدىلا بەلگىلىك.» (1 - توم، 684 - بەت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەنىنى ئۆزى سەكراتقا چۈشكەن ئاتا ئايتولدىنىڭ تىلىدىن مۇنداق يېشىدۇ: «خۇدا ھەرقانداق ئىشنى بىرەر سەۋەبى بىلەن ياراتقان. ئاتا - ئانا ئوغۇل - قىزنىڭ سەۋەبچىسى، ئۇلارنىڭ قىلىقى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، چوڭ مەسئۇلىيەت ئاتا - ئانىدا بولىدۇ. ئوغلۇم مەندىن كىچىك يېتىم قالدى. ئەگەر مېنىڭ ئۆزۈڭدە خادىملىق ھەققىم بار دەپ تونۇساڭ، سەن سەۋەبچى بولۇپ، ئۇنى ياخشى يولغا ئۈندەگىن. ئۇنىڭغا ئەدەپ - ئەخلاقتىن تەربىيە قىلغىن. پەزىلەت ۋە بىلىم بىلەن ئەلگە ياراملىق ئادەم بولسۇن. ئۇنى بوش قويۇپ بەرمە، قاتتىق تۇت. پەرزەنت چىڭ تۇتۇلمىسا كېيىن بەختىنى تاپالمايدۇ. شۇڭا كۆنلار: بالىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش كېرەك، كىچىكىدە

بەت 240

ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ ئۈنۈمى چوڭ بولىدۇ، ئوغۇل - قىزنى ئايىماي ئۇر، بۇ تايانچ ئۇلارغا بىلىم ئۆگىتىدۇ. بالا كىچىك چېغىدا بىلىم ئىگىلىگەن بولسا، قېرىپ ئۆلگۈچە ئۇنتۇمايدۇ، دېگەن.» (1485 ~ 1495)

بىز بۇنى ياراملىق، مەسئۇلىيەتچان بىر ئاتىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسى دەيمىز. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدىمۇ پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ ئەلگە يارىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بالىجانلىق مىللەت، بالا ئۈچۈن ياشايدۇ، بالا ئۈچۈن كۆيۈپ - پىشىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ شەخسىي مەنپەئەت ئەمەس، ئەكسىچە ئەلنىڭ مەنپەئىتى، ئەلنىڭ ئىستىقبالى، ئەلنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئاندىن پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە قويغان تەلىپىدە: «سەن ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتىنى دېمە، ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى دە، سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ» دېگەن دىئالېكتىك باغلىنىشنى جاكارلايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مەھمۇد قەشقەرى پەرزەنتلەرگە مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئەي ئوغلۇم، مەندىن ئۆگۈت - نەسىھەت ئال، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش، تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ، ئەدەپ ۋە بىلىم - ھېكمەت تارات.» (1-توم، 72-بەت). «ئەي ئوغلۇم، ئۆگۈت - نەسىھەتنى قوبۇل قىل، ئۆزۈڭدىن نادانلىقنى نېرى كەتكۈز؛ تالقىنى بولغان كىشى ئۇنىڭغا شېكەر قاتىدۇ، ئەقلى بولغان كىشى ئۆگۈت - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ.» (1-توم، 574-بەت) «بىلىملىك ئادەمنى ئەزىزلىگىن، سۆزىنى ئاڭلاپ، پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.» (1-توم، 558-بەت) مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئەنئەنىسىدە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان ئۆلگە.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن قاتتىق تۇتۇشنى، ئۇلارنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ ياۋا ئۆگىتىپ قويماسلىقنى،

بەت 241

ئەگەر بالىلار ئەركە ئۆگىنىپ قالسا، ئۇ بالىدىن قولنى يۇيۇۋېتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئوغلى ئۆگدۈلمىشقا مىراس سۆز سۈپىتىدە تاپىلايدۇ: «ئوغلۇم، مېنىڭ پۈتۈن غېمىم سېنىڭ مېنىڭدىن كېيىن قانداق ياشىشىڭدا. ئاتا - ئانىنىڭ ئەجرى پەرزەنتكە ئوبدان سىڭىدىغان بولسا، ئۇ پەرزەنتنىڭ خۇي - پېيىلىمۇ ياخشى بولىدۇ. پەرزەنتنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيىلىگەن ئاتا - ئانا بەختلىكتۇر. ئەگەر پەرزەنت چىڭ تۇتۇلماي، ئەركە بولۇپ قالىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشى كېرەك. پەرزەنتلىك ئاتىنىڭ بۇرچى پەرزەنتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇش، ياخشى تەربىيىلەشتۇر. كۆپ پەرزەنت تەربىيىلەپ بېشىدىن ئىش ئۆتكەن ئادەملەرمۇ: كىمنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئەركە چوڭ بولىدىكەن، ئاخىرى ئاتا - ئانا ئۆزلىرى ھەسرەت چېكىپ يىغلايدۇ. بالىلارنى كىچىك چاغدا ياۋا ئۆگىتىپ قويسا، بالىلاردا گۇناھ يوق، ئۇنىڭ جاپاسى يەنىلا ئاتا - ئانىغا بولىدۇ. ئوغۇل - قىزنىڭ خۇي - پېيىلى يامان بولسا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي ئاتا - ئانىدا. پەرزەنت قىسىپ تۇتۇلسا زورايغاندا سۆيۈنىدۇ. ھەي ئاتا بولغۇچى، ئوغۇل - قىزلىرىڭ بولسا ئۇلارغا ياخشى پەزىلەت ۋە بىلىم ئۆگەتكىن، بولمىسا كېيىنكىلەر سەندىن كۈلىدۇ، دېگەن.» (1216 ~ 1227)

يۇقىرىقى تەۋسىيە ھەرقانداق بىر ئاتا - ئانا ئۈچۈن ئورتاقتۇر. بالىلارنىڭ خۇي - پېيىلى ئاتا - ئانىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە باغلىق. ئادەم ئۆز تەبىئىتىدىن تەربىيىلىنىشكە مۇھتاج. چۈنكى، ئادەم تۇغۇلغاندا بىلىمسىز ھالەتتە تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن قەتئىي خەۋىرى يوق، ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇن دېگەنلەرنىمۇ بىلمەيدۇ، پەقەتلا بىر ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى بىزگە مەلۇم بولمىغان بىر نازۇك ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش بارا - بارا يېتىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ: «ئادەم تۇغۇلغاندا بىلىمسىز تۇغۇلىدۇ، كېيىن يۈرۈپ، ئۆگىنىپ، ئاندىن ئىلىم تۆرىگە چىقىدۇ» دەيدۇ. دىنىي ئەقىدىدىمۇ ھەرگىز بالا بىلىملىك، ئالىم بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، دېمەيدۇ. بەلكى، بىلىمسىز ھالەتتە تۇغۇ[Footer] 233

بەت 242

ئىدۇ، تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق يېتىلىدۇ، قانداق تەربىيە بېرىلسە شۇنداق ئادەم بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئالىم بولغىن ياكى ئۆگەتكۈچى بولغىن، ئاڭلىغۇچى بولغىن ياكى ئىلىم ئاشىقى بولغىن، بەشىنچىسى بولمىغىن، بولمىسا ھالاك بولىسەن.»① دېگەن. بالىلارغا قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلدۈرسە، قانچىلىك ئەجىر قىلىنسا، شۇنچىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. قانچىكى ئاز نەرسە ئۆگەتسە، ئەجرى ئاز سىڭدۈرۈلسە ئۇنىڭ ئەقلىي يېتىلىشى شۇنچىلىك ئاستا ۋە ئۈنۈمسىز بولىدۇ. ئادەمنىڭ بەزى تەبىئىتىمۇ خۇددى دەرەخكە ئوخشايدۇ، قانچىلىك تەربىيەت، بېقىش تاپسا شۇنچىلىك مېۋە بېرىدۇ، ئەگەر بېقىش تاپمىسا، ئەجىر قىلىنمىسا مېۋىمۇ بەرمەيدۇ، ئەكسىچە بارا - بارا قۇرۇپ ئوتۇن بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ ئەجىرنى قانداق قىلىشتا. چۈنكى ئادەم ئۇ دەرەخ ئەمەس، سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ قويسا كۆكلەۋېرىدىغان. ئادەم ئەقىلگە، تەجرىبىگە مۇھتاج. ئادەمنىڭ تەربىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ۋە مۇرەككەپ بىر جەريان. بۇ ئاش ئاش - نان بېرىپ بېقىش بىلەنلا ئورۇندالمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇڭا ئەجىر قانچىلىك سىڭسە بالىلارنىڭ خۇي - پەيلى شۇنچىلىك ياخشى بولىدۇ، دېگەن. بىر ھەدىستە: «ئاتا - ئانا بالىغا ياخشى ئەدەپتىن ئارتۇق نەرسە بېرەلمەيدۇ.»② يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەرزەنتلىرىنى ئەمىر - پەرمانلارغا بويسۇنۇشقا، نەھى - مۇنكەر ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا بۇيرۇڭلار، شۇنداق قىلىش ئۇلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقتۇر.»③ يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇڭا يۇقىرىقى ئەمىرنى ئىجرا قىلىپ: «ئادەمدىن ئادەمگە قالىدىغان ھېكمەت بىلەن يوغۇرۇلغان مىراس سۆزدۇر، مىراس سۆزنى تۇتسا مېڭە پايدىغا ئېرىشىدۇ. بالام، مەن بۇ نەسىھەتلىرىنى ساڭا قىلدىم. بۇ نەسىھەتلىرىمنى سەن ئۈچۈن قىلدىم. ساڭا مەندىن ھەرقانچە ئالتۇن - كۈمۈش قالسىمۇ، بۇ سۆزلىرىمگە تەڭ كۆرمە. كۈمۈشنى

① تەبرانى رىۋايەت قىلغان. ② تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ③ ئىبنى جەرىر رىۋايەت قىلغان.

بەت 243

خەجلىسەڭ تۈگىيدۇ، يوقىلىدۇ، سۆزلىرىمنى يادىڭدا تۇتۇپ ئىشلىتەڭ كۈمۈش قازىسەن» دېگەن. ئاتا-ئانىلار شۇنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، پەرزەنتى دوزىخى بولغان ئاتا-ئانا جەننەتكە كىرمەيدۇ، پەرزەنتى جەننىتى بولغان ئاتا-ئانا ھەرگىزمۇ دوزاخ بەندىسى بولمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنتلەرگە ئەجرى كۆپ سۈرگەن ئاتا-ئانا بەختىياردۇر، دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇ يەرگە بارىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «بىر ئادەمنىڭ بىر ياكى ئىككى قىزى بولۇپ، ئۇنى ياخشى، پەزىلەتلىك، تەقۋادار قىلىپ تەربىيىلەپ قاتارغا قوشسا، ئۇ بالىلار ئۇ ئاتا-ئانىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ» دېگەن (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەگەر مۆمىن ئاتا-ئانا بولىدىغان بولسا، پەرزەنتلەرگە كۆپ ئەجرى قىلىپ ياراملىق تەربىيىلەشتىن ئارتۇق ئىبادەت يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ دۇنياغا كېلىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ توپلىغان مال-دۇنياسى ۋە باشقا نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قالىدىغانلىقى، پەقەت مۇنداق ئۈچ ئەمەلنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈچ خىل ئەمەلىدىن باشقا ئەمەلى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، بىرىنچى، ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسچىت، مەدرىسە، يول، كۆۋرۈك قاتارلىقلارغا ئوخشاش كىشىلەرگە داۋاملىق مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئەسلىھەلەر ئۈچۈن قىلغان ئەجر-تۆھپىسى)؛ ئىككىنچى، مەنپەئەت قىلىدىغان ئىلىم (ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش، تەربىيىلەش ئارقىلىق شۇ ئىلىمنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئىزباسار، شاگىرت، باشقىلارغا ھەر قاچان مەنپەئەت بېرىپ تەربىيىلەيدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان كىتاب)؛ ئۈچىنچى، ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان (ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ روھىنى خۇش قىلىدىغان) سالىھ پەرزەنت.» ①

يۇقىرىقى بايانلاردىنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەكىتلەپ ئاتا--- [Footer] ① مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 235

بەت 244

ئائىلارغا ھاۋالە قىلىنغان پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن چىڭ تۇتۇپ تەربىيىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش مۇمكىن.

بالىلارنى كىچىكىدىن چىڭ تۇتۇش دېگەننىڭ يەنە بىر مەنىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنتلەرنى ياۋا، ئەركە ئۆگىتىپ قويماسلىققا قىلغان دەۋىتىدە ئەكس ئېتىدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بالىسى تاتلىق، ھەتتا ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ بالىسى شۇنداق سۆيۈملۈك. ھەممە ئاتا - ئانا بالىسىغا كۆيۈنىدۇ. بىراق، كۆيۈنۈشنىڭ ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ چىڭ تۇتۇپ تەربىيىلىنىشمۇ بىر خىل كۆيۈنۈش، بالىلارنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ چوڭ قىلىشمۇ بىر خىل كۆيۈنۈش ئۇسۇلى، بىراق ئالدىنقىسى ھەقىقىي مەنىدىكى كۆيۈنۈش ھېسابلانسا، كېيىنكىسى بالىنى بۇزۇپ، يولدىن چىقىرىش، كېيىنكى ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. «بالا كىچىكىدە چىڭ تۇتۇلسا، چوڭ بولغاندا سۆيۈنىدۇ» دېگەن گەپنىڭ قارىمۇقارشىسىدا ئەگەر بالا كىچىكىدە ھەددىدىن ئارتۇق ئەركە، تۇز بېشىمچى بولسا، چوڭ بولغاندا جەمئىيەت ئۇنىڭغا ئەدەپ بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بالىسىنى ئەركە ئۆگىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ دەردىنى تارتىمىغان كىم بار: «پەرزەنتلەرنى ئىززەتلەش بىلەن ئەدەپ - ئەخلاقنىمۇ ياخشىلاڭلار» دېگەن ھەدىستىمۇ كۆيۈنۈش بىلەن تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش تەكىتلەنگەن.

2. بالىلارغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېرىلى

ئىنسانىيەت قازانغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچتىن كەلگەن. ئەگەر ئادەمدە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد نېمىتى بولمىغاندا، بۇ دۇنيا ئۇنچە گۈزەل ئەمەس، بەلكى ئازاب ئۆيى بولۇپ قالغان بولاتتى. دۇنيانىڭ كۈلپەتلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، سۇلارغا ئۆزىنى تاشلىۋېلىپ ئۆلۈۋالغان ئادەملەر

بەت 245

تېخىمۇ كۆپ بولغان بولاتتى. ئادەمدىكى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىن ساغلام قىلىدىغان مەنىۋى ئوزۇق. ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئادەمنىڭ روھىغا ئاراملىق، خاتىرجەملىك ۋە سۆزۈكلۈك بېرىدۇ، قاننى راۋان قىلىپ يۈرەكنىڭ ئەركىن سوقۇشىغا مەدەتكار بولىدۇ. ئۈمىدسىزلىك، ئىشەنچنى يوقىتىپ قويۇش ئادەمنى بىئاراملىق بالاسىغا سالىدۇ، بۇرۇقتۇرمىلىق، خاتىرجەمسىزلىك ۋە تەشۋىش بىلەن قاننىڭ تومۇرلاردا ئەركىن يۈرۈشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھۆجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى تېزلىتىدۇ، نەتىجىدە ئادەم ئوڭايلا ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. «نەم تۆمۈرنى يەيدۇ، غەم ئۆمۈرنى يەيدۇ» دېگەن ھېكمەتنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىشەنچتىن مەھرۇم بولۇش ئادەمنى غەمگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ئادەم قانچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنسېرى شۇنچىلىك غەمگە پاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، پسىخىك ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۈمىد رىشتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئىكەنلىكى پسىخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىغان تەجرىبىدۇر. ئادەمنىڭ نېرۋىسى ھەددىدىن ئارتۇق ئۈمىدسىزلىككە، غەم-غۇسسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن روھلاندۇرۇپ، ياشارتىپ تۇرۇش لازىم بولىدۇ. بىراق، بۇنى ئادەم چوڭ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن يېتىلدۈرۈۋالالايمن، دېگىلى بولمايدۇ. قورامىغا يەتكەندىن كېيىن ھەرقانچە ئۆزىنى روھلاندۇرۇيمەن دېسىمۇ، ئۈمىدسىزلىكنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتىمەن دېسىمۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تولىمۇ تەس كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۈمىدكە، ئىشەنچكە ئىگە قىلىشى ۋە شۇنىڭغا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئۈمىدۋار تەربىيەلەنگەن بالىلار چوڭ بولغاندا خېلى زور مۇشەققەتلەر ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىكى تەربىيە، كۆڭۈل

237

بەت 246

بۆلۈنمىگەندە، ئازغىنا زەربىمۇ بالىلارنى كېمىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن بۇنداق مىساللارنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋۇجۇدىنى ئاتا - ئانىسى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ نۇرى بىلەن يورۇتقان. شۇڭا ئۇ ئۈمىد ۋە ئىشەنچنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدا، مۇۋەپپەقىيەت چوققىسىغا ئۆرلەشتە قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن. شۇڭا، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ پەلسەپىۋى ئىدىيىگە ئايلانغان. ئۇ ئۈمىد توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ھەرقانداق ئىشقا ئۈمىد بىلەن قەدەم قويسا، ھەربىر قەدەمدە ئۈمىد ئۇنىڭغا يار بولىدۇ. ئادەم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ھاياتقا قەدەم قويىدىكەن، يىراق يەرمۇ يېقىنلىشىدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بىلەن يۈرسە، ئۇنىڭغا بۇ يولدا ئۇچرىغان مۇشەققەتمۇ بىلىنمەيدۇ، جاپالىق ھېس قىلىنمايدۇ.» (3323 ~ 3325)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈمىدنى ئاللاھ تائالا قىلغان نېمەتلەرنىڭ بىرى دەپ قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۈمىد بىر قاناتكى، ئادەمنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرىدۇ، ئۈمىدسىزلىك بىر كېسەلدۇركى، ئۇ ئادەمگە چاپلىشىۋالسا ئادەمنى چۈشكۈنلۈككە، ھالاكەتكە سۆرەيدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە قارىغاندىمۇ، ئىسلام دىنى ئىنسانلارغا ئۈمىد بىلەن ياشاشنى دەۋەت قىلىدۇ، ئۈمىدسىزلىكنى ئىمانسىزلىق دەپ قارايدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەرقاچان تىلغا ئېلىنىدىغان «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش» چىن مەنىسىدىن ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمىتىگە ئىشىنىپ ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشاش مەنىسىنى بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىشلىمەي، ھەرىكەت قىلماي رىزقىنى ئاسماندىن كۈتۈش مەنىسىنى بەرمەيدۇ، مانا مۇشۇ نازۇك مەسىلىدە تارىختىن بۇيان قارىمۇقارشى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەۋلادلارنى تەييارتاپ، ھورۇن، بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا سەۋەب بولغانىدى. «تەۋەككۈل» گە بې[Footer] 238

بەت 247

بېرىلگەن خاتا چۈشەنچىنىڭ ئەۋلادلارغا سىڭدۈرۈلۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق روھىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ، ئىبادەتكىلا يۆلىنىۋېلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغان دۇئاگويلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقان.

بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن: «بىر كىم ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، دېمىسۇن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن باشقىنىمۇ بىلىدۇ، ئاللاھ بىلمەيدىغاننىمۇ بىلىدۇ، يۇقىرىقىدەك دېيىش ئاللاھنىڭ ئالدىدا (خاراكتېر جەھەتتىن) ئېغىردۇر» دېگەن. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى شۇكى، ئادەم ئۆزى بىلىدىغان ۋە بىلەلەيدىغان ئىشلارنىمۇ ئاللاھقا نىسبەت بېرىش، ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتىگە نىسبەتەن تۆۋەنلىتىش ئىپادىسىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. ئادەم ئاللاھ بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنى بىلەلەيدۇ، ئادەمنىڭ قىلالىشىغا ئىرا دە قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايدۇ. بىر ئادەم بىلمىگەننى يەنە بىر ئادەم بىلەلەيدۇ، بىر ئادەم قىلالمىغاننى يەنە بىر ئادەم قىلالايدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئادەملەر قىلالمىغان ئىشلارنى ھازىرقى ئادەملەر قىلالايدۇ، ھازىرقى ئادەملەر قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئىشلارنى كەلگۈسىدىكى ئادەملەر قىلىشى مۇمكىن. بەندىنىڭ بىلىشكە، قىلىشقا ئىرا دە قىلىنمىغان ھەرقانداق ئىشنى قاچانلا بولمىسۇن، ئادەم قىلالمايدۇ. ئادەم ئازراق تىرىشچانلىق قىلسا، قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاللاھنى ئاۋارە قىلىش، ئۇنىڭغا قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى بىلىش ۋە قۇدرەت پەرقىگە نىسبەتەن شە ك كەلتۈرۈش بولۇپ قالىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئاسمانغا چىقىلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراش، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان كۈچ - قۇدرىتىدىن گۇمانلىنىشنى تۇغدۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئىنسانلارنى كۈچ - قۇدرەتكە تايىنىپ ئاسمانغا چىقالىسا چىقىشقا ئىجازەت بېرىلگەن ۋە شۇنداق ئىقتىدارنى ئاتا قىلغان. ھەتتا ئاسمانغا ئىلىم - پەننى، تۆمۈرنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق

بەت 248

يەتەكلى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن. بىراق، ئۆز دەۋرىدە بۇ ئىراىدنڭ ھەقىقىتىگە ئىنسانلار ئىشەنمىگەن ھەم ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن. شۇڭا، خاتا ھالدىلا «ئۆلۈمدىن قېچىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتەلمەيسەن» دېگەن مەنىدە تەپسىر قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە 20 - ئەسىردە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئىجراسى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئاللا ئاتا قىلغان ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە قۇۋۋەت جەھەتتىكى نېمىتىنىڭ شان - شەرىپى ئىدى. بىزنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئىش شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۈكسەك ئىشەنچ بىلەن 11 - ئەسىردىلا ئىلىم - پەننى تايىنىپ ئاسمانغا چىقىشقا بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تەسىۋۋۇرنى جاكارلىغانىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن تەربىيەلەنگەن بالىلار يۈرەكلىك، مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، ئىجادچانلىق روھىغا باي ئادەم بولۇپ يېتىلىدىكەن.

ئادەم دېگەن تەن بىلەن روھنىڭ بىرىكمىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈنلۈك. ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسى ئۈمىد، تەسىۋۋۇر، تەپەككۇر، ھېسسىيات، ئىراە، ئىشەنچ، شۇجائەت قاتارلىق روھىي پائالىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى. ئۇلار بىر - بىرىنى شەرت قىلىپ، بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ بىرى ئاجىزلاشسا يەنە بىرىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. ئادەمنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى دۇنيانى بويسۇندۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە. تەپەككۇر دېگەن ئۈمىد، ئىشەنچتىن قوزغالغان ئىراىدنڭ تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلىشنىڭ تۈرتكىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ئىنسانلاردا ئۈمىد ۋە ئىراە كۈچى بولمىغاندا ئىدى، بۇ دۇنيا زۇلمەتكە پاتقان، تەرەققىي قىلىپ ھازىرقىدەك پەللىگە يېتەلمىگەن بولاتتى. ئۈمىد، ئىراە بولمىغان ئادەمدە ئىزدىنىش، تىرىشچانلىق، ھەتتا ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش پائالىيەتلىرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ تەپەككۇرى تورمۇزلانغان بولىدۇ، تەپەككۇرى

بەت 249

تۇرمۇزلانغانىكەن، ھەرگىزمۇ چىقىش يولى تاپالمايدۇ. ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان، كەسپىنى تاشلاپ كېيىپ - ساپاغا بېرىلگەنلەر، ھەممىشە غەم - قايغۇ ئىچىدە ھەسرەت چېكىپ ئۆزلىرىنى خارلىققا مەھكۇم قىلغانلارنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە قورقۇمسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، ئامالسىزلىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشكەنلىكى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تارىخىمىزدا ئاتا - ئانىلارغا سىڭىپ قالغان خاتا «تەۋەككۈل» نىڭ ئاسارىتىدە، بالىلارغا «تەۋەككۈل» نىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەندۈرەلمىدى. بىر قىسىم تەييارتاپ، ھۇرۇن، «تەۋەككۈل» نىڭ مەنىسىنى بۇرمىلىغۇچىلار ئاساسلىنىۋالغان ھەدىس: «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەتىگەندە قورسىقى ئاچ كېتىپ كەچتە قورسىقىنى تويغۇزۇپ قايتىپ كېلىدىغان قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك رىزىق بېرىدۇ.» ئەھمەت يەسەۋى كەبى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە يارىتىلغان تەركىدۇنيا زاھىت ئوبرازىنىڭ تۇتقان تەۋەككۈل يولى يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مۇخالىپىدىكى يول ئىدى. ئەسلىدە يۇقىرىقى ھەدىس قارىغۇ «تەۋەككۈل» چىلەرنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنى توغرا قوبۇل قىلغانلىقىدەك دەلىل بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئاللاھ ئۇ قۇشلارنىڭ رىزقىنى زېمىنغا چېچىۋەتكەن. ئۇلار تاغلار ئېشىپ، چۆللەر كېزىپ، نۇرغۇن ئەجىر قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزىنىڭ رىزقىنى تاپىدۇ. ئۇلار ئۇۋىسىدا يېتىش بىلەن ھەرگىزمۇ رىزقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، زېمىندىكى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مانا شۇنداق تىرىشىپ، ئۆزىگە خاس ئەمگىكى ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدۇ. زېمىنغا ئۇرۇق چېچىپ ئاندىن ئاللاھتىن پېلىدىن رىزقىنى تىلەيدۇ، ئۇرۇق چاچماي تۇرۇپ رىزىق تىلىگەن ئادەم شەيتاندۇر. تەۋەككۈل ھەققىدە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر مەشھۇر ھېكمەت بار:

رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىدا بىر ئەرەبى (تاغلىق ئادەم) تۆگىنى

بەت 250

مەسچىت ئالدىدا باغلىماي توختىتىپ قويۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئىشىمدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، دەپ ئويلىغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئالدى بىلەن تۆگىنى مەھكەم باغلا، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىل» دېگەن. مانا بۇ تەۋەككۈلنىڭ ئەسلى مەنىسى، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، دەپ ئۆمۈدنى دۇئاسىغا باغلاپ 365 كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ساختا تەقۋادارنىڭ تىلىكى ھەرگىزمۇ قوبۇل كۆرۈلمەيدۇ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم دەپ ئېتىزلىقىدا بىر تامچە تەر ئاققۇزمىغاننىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىنىڭ ھېسابى ھېلىقى ساختا تەقۋادارنىڭ ئۆمۈرلۈك تائىتىدىن ئەۋزەلدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب جۈمە نامىزىدىن كېيىن بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ مەسچىت تۆۋرۈكىگە يۆلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇلاردىن نېمە ئادەمسىلەر؟ دەپ سورىغان. ئۇلار: بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز، دېگەنەيدى، ئۆمەر ئۇلارنىڭ ياقىسىدىن سىلكىشلەپ، ئۇلارنى ئورنىدىن قوپۇرۇۋەتكەن ۋە بىر ئادەم رىزىق ئۈچۈن ئىشلىمەي ئولتۇرۇپ: ئى ئاللاھ ماڭا رىزىق بەرگىن دەپ يېلىنىسمۇ، ئاسماندىن ئۇنىڭغا ئالتۇن-كۈمۈش ياغمايدۇ. قۇرئاندا «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار» ① دېگەن تۇرسا، دېگەن ئىكەن. «قىيامەت بولغاندا بىرىڭلارنىڭ قولىدا بىر توپ كۆچەت بولغاندا، ئەگەر ئۇ كۆچەتنى تىكىۋېتىشكە كۆزۈڭلار يەتسە، ھەر نېمە قىلىپ ئۇنى تىكىۋېتىڭلار.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسمۇ، ئۈمىدۋارلىقنىڭ نۇرى، «تەۋەككۈل» نىڭ ھەقىقىي مەنىسى چاقناپ تۇرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پۈتۈن بايانلىرىدا ھاياتنىڭ ئەسلى قانۇنىيىتىگە بولغان ھۆرمەت ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. قارىغاندا يۈسۈپ «تەۋەككۈل» ئۈمىدنىڭ

242

بەت 251

ئەسلى چىن روھى بىلەن تەربىيىلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغىنى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ تەقدىرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلگەن.

يەنە بالىلارغا شۇنىمۇ بىلدۈرۈش كېرەككى، مۇۋەپپەقىيەت ئۈمىدنى قانات قىلسىمۇ، لېكىن قورقاق ئۈمىد ھېچنېمىگە يارىمايدۇ. ئۈمىدنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنىڭغا توشلۇق قابىلىيەت بولۇشى كېرەك. ئۆزىدە يېتەرلىك قابىلىيەت يېتىلدۈرمەي قىلىنغان ئۈمىد ئاخىر ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بالىلارغا «سەن بۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايسەن» دېگەن ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرغاندا، چوقۇم ئۇ چىراغنىڭ تېگىدە ئۇنى يورۇتىدىغان يېغى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك. يەنى ئۈمىدنى دېڭىزدىكى قولۋاق دېسەك، غايە قىرغاق، ئىقتىدار دېگەن پالاق، پالاق بولمىسا قېيىق بىر ئىزدا لەيلەپ تۇرۇۋېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى پەرزەنتلەر كىچىكىدىن باشلاپ چۈشىنىشى كېرەك.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە شۇنداق ئىشەنچ بېرىدۇكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق تۈگۈننىڭ يېشىمى، ھەرقانداق كېسەلنىڭ داۋاسى بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭغا چوقۇم شۇ تۈگۈننى يېشەلەيدىغان بىلىمگە، شۇ كېسەلنى داۋالىيالايدىغان تەجرىبىگە ئىگە بولۇش كېرەك، دېگەن شەرتنى قويىدۇ.

3168 بىلىملەر يېشىلگۈي پۈتۈن تەسى تۈگۈن، بىلىم بىل، ئەقىل ئۇق، ئاڭلىق ياشىغىن.

3873 ھەرقانداق كېسەلگە دورا - داۋا بار، ئۇنى ئەملىگۈچى ھېكىممۇ چىقار.

پەرزەنتلەرگە بېرىلىدىغان مۇنداق ئىشەنچ ھەم ئۈمىد ئۇلارنىڭ خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى ھەممىدە خۇداغا يۆلىنىۋېلىش ئادەمنى خۇرا[Footer] 243

بەت 252

پاتلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بىلىم بىلەن، ئەقىل بىلەن ھەرقانداق تەس تۈگۈننىمۇ يېشەلەيسەن، ھەرقانداق كېسەلگە دورا تاپالايسەن دېگەن تەۋسىيە بالىلارغا ئەلۋەتتە قانات بولىدۇ، ئۈمىد شامىنى ياقىدۇ، پىكىر يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئۈمىد ۋە ئۇنىڭ رېئاللىشىشى توغرىسىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋسىيە قىلغان يەنە بىر مۇھىم ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، كۆڭۈل ئارزۇ قىلمىغان يەرگە قەدەم قويماسلىق، ئۆزى ئارزۇ قىلمىغان ئىشقا قول تۇتماسلىق تەلەپىدىن ئىبارەت: «ئادەم ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بىلەن يۈرسە ھېرىپ قالماي ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ، كۆڭۈل ئارزۇ قىلسا، يىراق يەرمۇ يېقىنلىشىدۇ، تېزلا ئارزۇسى ھەل بولىدۇ. ئۆزى خالاپ، ئارزۇلاپ ماڭغان يول ئادەمنى تېزلا ئۈمىدكە يەتكۈزىدۇ. ئەگەر كۆڭۈل تارتىمىغان يەرگە قەدەم قويسا، مەنزىل ھەرقانچە يېقىن بولسىمۇ، ئۇ يىراق بىلىنىدۇ، ئۆزى ئۈمىد قىلىپ ماڭغان يولنى ئۇلاغلىق ماڭغان يولۇچى دېسەك، زورۇقۇپ ماڭغان يولنى ياياق سەپەر دېيىش مۇمكىن، ئادەم ياياق ماڭسا كۆپ مېھنەت چېكىدۇ، لېكىن مەنزىلگە يېتەلمەيدۇ.» (5042 ~ 5047)

يۇقىرىقى باياننى پېداگوگىكىغا تەتبىقلىساق، ئۆنۈمدىن بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ لازىملىقى چىقىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەلۇم ئىشقا نىسبەتەن بىر قىزىقىشى بولىدۇ. بۇ خىل قىزىقىش ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى تەبىئىي ئىقتىدار مايىللىقى بىلەن بىر دەك بولۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن، بىر يەردىن چىقماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەگەر قىزىقىش تەبىئىي مايىللىقى بىلەن بىر دەك چىقىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن زور نەتىجە چىقىدۇ. بۇ خىل ئارزۇ بوغۇلۇپ قالىدىغان بولسا، بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىنى ئېتىپ قويغان بولىمىز. يەنە بىرى، بالىلار دورىماق بىلەن ئۆز تەبىئىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان يات ئارزۇلارنى قىلىدۇ، بىراق بۇنداق ھېسسىيات بىلەنلا قوزغالغان ئارزۇغا يول قويۇلسا، بالا يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئاتا-ئانىلار تولىمۇ سەزگۈر

بەت 253

بولۇپ، بالىلارنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغانلىرى بولىدىغان بولسا قوللاش، ئەگەر بىردەملىك قىزىقچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇنى توسۇش كېرەك. ئۈچىنچى مۇھىم ساقلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىش، ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ خاھىشىنى بالىلارغا قارىغۇلارچە تاڭماسلىقى كېرەك. ئەگەر سىز بالىغا مەجبۇرلانغان كەسىپتىكى ھۈنەر بالىنىڭ تەبىئىي مايىللىقىغا ئۇيغۇن كەلسە، ئۇ چاغدا ئۇ بالا بۇ تاللاشنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، كېيىن سۆيۈنىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەبىئىي مايىللىقىغا ماس كەلمىگەن ھۈنەر كەسىپ بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن نەتىجە چىقمايدۇ. شۇ بالىنىڭ ئۆمرى ئېرىقتا ئاققان لاي سۇدەك بوشقىلا كېتىدۇ. ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر ئادەم بىر بالىنى بىر ھۈنەرۋەنگە بېرىپ ناھايىتى ياخشى بىر ھۈنەرۋەن قىلىپ چىقىشنى تاپىلاپتۇ. نەچچە يىللار تىرىشچانلىق قىلىپمۇ بىر نەرسە قوندۇرالماپتۇ. بىراق، قولىدىكى باشقا بالىلار شۇنداق داڭلىق ئۇستىلاردىن بولۇپ چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھېلىقى بالىنىڭ دادىسى ئۇستازىغا كايىپ: سەن مېنىڭ بالامغا ياخشى كۆڭۈل بۆلمەپسەن، بۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە يۇقماپتۇ، دەپ خاپا بولۇپتۇ، ھېلىقى ئۇستاز ئۇ ئادەمگە: بۇنىڭغا مەندە ئامال يوق، تەربىيە ئوخشاش بولىدۇ، لېكىن بالىلارنىڭ تەبىئىتى ئوخشىمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەكىتلىگەن ئادەم ئۆز ئارزۇسى، غايىسى بويىچە مېڭىشى كېرەك، دېگەن سۆز مانا شۇنداق رېئال ئەمەلىيەت ئاساسىدا چىقىرىلغان يەكۈن ئىدى. بۇنىڭغا ھەربىر ئاتا - ئانا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرى كېرەك.

3. پەرزەنتلەرگە ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىتىش تەلىپى

تارىختىن بۇيان، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئائىلە تەلىم - تەربىيە تەلىپلىرىنىڭ تۈرىدە ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىتىش ۋە ئەدەپ -

بەت 254

ئەخلاققا ئۆگىتىش تۇرغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، بۇ ئىنسانىي تەربىيىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئەۋلادلار ئىلىم-ھۈنەرسىز، ئەدەپ-ئەخلاقسىز بولسا، شۇ مىللەت پۈتۈنلەي تۈگىشىكەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل قانۇنىيەتنى ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىلا چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئۇلار پەرزەنتلىرىگە ئىلىم-ھۈنەر ئۆگىتىشنى ئەڭ مۇھىم پەرزەنتلىك ئىشلار قاتارىغا قويغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تارىخىدا ئىلىمنىڭ نوپۇزىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ شەھەرلەپ بەرگەن ئاپتور. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق تارىخىدا ئىلىمنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەنپەئەتدارلىق رولىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ۋە كونكرېت سېلىشتۇرما قىلىپ بەرگەن ئاپتور يوق. ئۇنىڭ قارىشىدا، ئىلىم-ھۈنەر ئۆگىتىش پەرزەنتلەرنىڭ ئىنسانىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ، ياشاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، مەنىۋى كېسەللىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۈچلۈك، ساغلام مەنىۋى روھ ئاتا قىلىدۇ. ئىلىم-ھۈنەرسىز قالغان بالىلار ساقايماس روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمگە ئوخشاش، گاراڭ، دۆت، ئىقتىدارسىز، مەجرۇھ بولىدۇ. روھنىڭ مەجرۇھلۇقى بەدەننىڭ مەجرۇھلۇقىدىن نەچچە ھەسسە بەتتەر قورقۇنچلۇق بولىدۇ.

157 بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر.

ئادەم روھ بىلەن ھەقىقىي ھايات، روھنىڭ جۇلاسى بىلىم بىلەن يۈرۈيدۇ، بىلىشتىن مەھرۇم بولغان روھ قۇرۇق ئوستىخانىدۇركى، يۈكنەكىينىڭ سۆزى بويىچە قارىغاندا، «ئۇنىڭغا ھېچكىم قول ئۇزارتمايدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەرىپى بويىچە «تىرىك ئۆلۈك»تۇر. ئالىمنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق كېسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ، بىلىمسىزلىك، نادانلىق كېسىلى داۋالىغىلى بولمايدىغان

بەت 255

كېسەل، يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر. شۇڭا، پەرزەنتلەرنى قۇرۇق جەسەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق، ئۇلارنىڭ ئادەمدەك ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى بىلىمنى ئىلىمدىن مەھرۇم قىلىپ قويماسلىققا دەۋەت قىلىنىدۇ.

156 بىلىم مەنبەسىن بىل، بىلىم نېمە دە، بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا گەر.

158 كېسەلنى داۋالات، بار، ئەي بىلىمسىز، ئەي ئالىم نادانغا داۋا ئەيلە سەن.

ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى نادانلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىلىم گۈلىستانىغا يەتمىگۈچە بەختلىك بولالمايدۇ، بەخت ساھىلىغىمۇ يېتەلمەيدۇ. بۇنىڭ ھەقىقىتىنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار: «قۇت بەلگىسى بىلىم» دېگەن چۈشەنچە بىلەن ئىپادىلىگەن. پەرزەنتلەرنىڭ بىلىم ئېلىپ ئۆزىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىش ھوقۇقى، بەختلىك بولۇش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ھوقۇقلىرىدىن بىرى، شۇڭا ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىلىم-ھۈنەرلىك قىلىپ چىقىش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە كېرەكلىك، ياراملىق ئادەم بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان ئاتا-ئانا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قاچقان مۇستەبىت، باشقىلارنىڭ بەختىنى خاراب قىلغۇچى يارماس ئاتا-ئانىلاردۇر. ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە، تار كۆزقاراشلىرىنىڭ قۇيرۇقىغا بالىنىڭ تەقدىرىنى باغلاپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلىشقا ھەققى يوق، چۈنكى، بالا ئاتا-ئانىدىن تۆرەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس، بەلكى ئۇلار مىللەتنىڭ، ئەل[Footer] 247

بەت 256

ۋەتەننىڭ بىر ئەزاسى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار كەلگۈسىدىكى ئاتا - ئانىلار. ئۇلار ئىلىمسىز، ھۈنەرسىز، پەزىلەتسىز قالسا، ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان بالىلارمۇ يارامسىز بولىدۇ، يارامسىز بالىلار ئەلگىمۇ يۈك بولىدۇ، ئۆزىگىمۇ ئۆزى دۈشمەن بولىدۇ. نەتىجىدە يارامسىزلىق، نادانلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، ئاخىرىدا بۇنداق يارامسىزلىق ئەلنى خاراب قىلىدۇ. بۇنىڭ گۇناھى يەنىلا ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. بىز بالىلارنى تەربىيىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان ئاتا - ئانىلارنى جىنايەتكار ھېسابلايمىز. بالىلىرىنىڭ ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىنىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولغان، ياخشى پەزىلەتلەرنى جەمئىيەتكە قوشقان ئاتا - ئانىلارنى تۆھپىكار ئاتا - ئانىلار ھېسابلايمىز. ئۇلارنىڭ يۈزى ئەل - ۋەتەن ئالدىدىمۇ يورۇق بولىدۇ، پەزىلەتلىرى ئالدىدىمۇ قەدرى ئۈستۈن بولىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاتا - ئانىلارغا مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:

4506 ئوغۇل - قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ، بېرۇر بۇ ئاتا ئىككى دۇنيادا نەپ.

بۇ تەشەببۇس بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەجبۇرىيەتدارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلىم ھەم ئەدەپ بالىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزىدىغان، ئاتا - ئانىلارنىمۇ بەختلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتنىمۇ رازى قىلىدىغان قۇدرەتلىك قورال.

ئىلىمنىڭ نوپۇزى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق ئىمتىيازدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئىلىمنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق مال - دۇنيا، مەنسەپمۇ، نەسەبمۇ قەدىرسىزدۇر. بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئۇيغۇرلار ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ياكى پەس بولۇشى نەسەبى ياكى بايلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلىم - ھۈنىرى بىلەن بولىدۇ،

بەت 257

دەپ قاراپ كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەنىدىن «ئىلىم - ھۈنەرسىز شاھ قۇلدۇر، ئىلىملىك، ھۈنەرلىك قۇل شاھتۇر» دەپ سېلىشتۇرغان. يەنە بىر بېيىتتا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى قەدىر - قىممەت، ئۇلۇغلۇق پەرقلى ئىلىم بىلەن بولىدۇ، دەپ يازىدۇ:

كىشىدىن كىشىنىڭ تولا پەرقى بار، بىلىمدۇر بۇ پەرق، سۆز شۇ ئۈزە بار.

يۇقىرىقى تەۋسىيەنىڭ روھىدا خەلقىمىزنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادى ۋە قىممەت قارىشىدىكى نۇرنىڭ جۇلاسى چاقنايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا مەۋجۇت بولغان يۇقىرى - تۆۋەنلىك، ئەر - ئاياللىق، يۇقىرى مەرتىۋىلىك، تۆۋەن مەرتىۋىلىك، ئۇ مىللەت، بۇ مىللەتتىن بولۇش شەكىلەن، ماھىيەتلىك بولمىغان پەرقلەردۇركى، ئۇ زاماننىڭ ئۆتۈشى، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىللە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەر مەلۇم سەۋەب بىلەن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، بايلار سۈنۈپ نامرات ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، ئەرلەر ئاياللارچىلىك بولالمايدىغان، ئاياللار ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈلۈشى مۇمكىن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك: «بىلىملىك ئايال گويا ئەردۇر، نادان ئەر گويا ئايالدۇر.» ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەرسە ئىلىم ۋە ھۈنەردۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇڭا: «ھەرقانداق بايلىق تۈگەيدۇ، يوقىلىدۇ، بىلىم مەڭگۈ يوقالمايدىغان بايلىقتۇر، ئۇنى سۇمۇ ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ، قاراقچى - ئوغرىلارمۇ ئوغرىلاپ، بۇلاپ كېتەلمەيدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن. مۇشۇنداق قىممەت كۆزقارىشىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار ئاتا - ئانىلارنى نەسەب، پۇل - بايلىقى ۋە ئەمەلدارلىقىنى پەش قىلىپ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشسىز، نادان قىلىپ ئايلاندۇرۇپ قويماسلىققا ئۈندەيدۇ. ئۇلارنى ئوقۇتۇپ ئاقىل ياشايدىغان، ئاق - قارىنى، ياخشى - ياماننى توغرا پەرق ئېتەلەيدىغان، ئەلگە تۆھپە قوشالايدىغان يۇقىرى

بەت 258

ساپالىق ئادەم قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىنىڭ دەرۋازىسىنى «ئادەم بالىسىنىڭ قىممىتى بىلىم بىلەن ئەقىلدىن» دېگەن مەشھۇر سۆزى بىلەن ئاچىدۇ. بۇنى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەت ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ:

154 ئەقىل قايدا بولسا، ئۇلۇغلۇق بولۇر، بىلىم كىمدە بولسا، بۈيۈكلۈك تاپۇر.

155 ئەقىللىق ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۇر، بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.

دېمەك، بىلىم كىمدە بولسا ئۇلۇغلۇق شۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈككە شۇ ئېرىشىدۇ. ئەقىللىق، بىلىملىك پەرەزەنت ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ. بىلىمدىن مەھرۇم قالغان ئادەم ھەممىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ دۇنيادا قەدىمدىن تارتىپ ياشاش ھوقۇقى، بەختلىك بولۇش ھوقۇقى، جاھان سوراش ھوقۇقى ئەقىللىق، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. بىلىمسىز، نادان، ئەقىلسىز ئادەم ئۆزىنىڭ ياشاش ھوقۇقىنىمۇ، بەختلىك بولۇش ھوقۇقىنىمۇ، خوجايىنلىق ھوقۇقىنىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار ھەر قاچان باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى، باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەركىن تاللاش ھوقۇقىمۇ قولىدا بولمايدۇ.

217 جاھان تۇتقىلى ئەرتۇقۇشلۇق كېرەك، كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك.

ئەۋلادلار ۋەتىنىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانسۇن، دەيدىكەن، ئۇلار ئەقىل - پاراسەتتە ئۈستۈن، بىلىم - ھۈنەردە كامىل بولۇشى

بەت 259

كېرەك بولىدۇ. ھازىرقى دۇنيادا ئىلىم - پەننىڭ كۈچ - قۇدرىتى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن تونۇپ يېتىلدى. بىراق، بۇنىڭدىن مىڭ يىل ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە بىلىمنىڭ قىممىتىنى بۇنداق يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشتا قانداق مەنىۋى كۈچ تۈرتكە بولغان؟ بىرى، رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلىم ھەم ھۈنەرنىڭ خاسىيىتىنى بىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن. يەنە بىرى، ئىسلام دىنى ئىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىلىملىك بولۇشقا دەۋەت قىلىدىغان، ھەتتا ئىلىمنى ئەقىدە دەپ قارايدىغان دىن ئىدى. چۈنكى، ئادەم يارىتىلىشىدىلا ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەردىن ئۇلۇغ يارىتىلغانلىقىنىڭ بىر پاكىتى ئۇنى ئەقىللىق ۋە بىلىملىك ياراتقانلىقىدا. مانا مۇشۇ جەھەتتىكى قەدىر - قىممىتى بىلەن پۈتۈن مالائىكىلەرنى ئادەمگە سەجدە قىلدۇرغان. بىراق، بىلىم ۋە ھۈنەر ھەرگىزمۇ تۇغما ئەمەس، بەلكى تەربىيىلىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئىگىلىنىدىغان نەرسە. شۇڭا، ئىسلام دىنىدىمۇ ئادەم بىلىمسىز تۇغۇلىدۇ، تۇغۇلۇپ جەمئىيەتكە قاتنىشىپ ئاندىن بىلىم ئۆگىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئادەم تۇغۇلغاندا بىلىمسىز تۇغۇلىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن تەربىيە ئارقىلىق ۋە جەمئىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئىلىم تۆرگە چىقىدۇ، دېگەن. يەنە بىرى، «قۇرئان كەرىم» دە بىلىم - ھۈنەر ئىگىلەش ھەققىدە كېسكىن ۋە ئېنىق ھۆكۈم بار: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.» ① مانا بۇ ئايەتتىن ئوقۇش ۋە بىلىم ئېلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى چىقىدۇ. بۇ ئايەت تەپسىر


① «قۇرئان كەرىم»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، سۈرە ئەلەق 1 ~ 5 ئايەتلەر.

بەت 260

قىلىنسا بىر توم، ھەتتا بىر قانچە توم كىتاب يېزىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، يۇقىرىقى ئايەتنى قۇرئان تەشەببۇس قىلغان باشقا بارلىق ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇشسىز، بىلىمسىز ئاللانىڭ قۇرئانىنىمۇ ئوقۇيالمايدۇ ھەم چۈشىنەلمەيدۇ. ئوقۇشسىز، بىلىمسىز ئادەم ئاللانىمۇ، ئۆزىنىمۇ تونۇمايدۇ. بىلىمسىز ئادەم ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگىمۇ يېتەلمەيدۇ، شۇڭا تۇنجى قېتىم نازىل بولغان ئايەت «ئوقۇ» دېگەن مۇقەددەس پەرمان ئىدى. بۇنى ئائىلە مائارىپىغا تەتبىقلىغاندا «ئوقۇت»، «ئۆگەت» دېگەن بولىدۇ. چۈنكى، بالا تۇغۇلۇپ قورامىغا يەتكۈچە بولغان مۇددەتتە بالىلارنىڭ ئوقۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىنى ئىلىم-ھۈنەر ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، بالىنى ئوقۇتۇش، ئۇنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش ئاتا-ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بۇنىڭغا سەۋەب كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆز دەۋرىدە بالىلارنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش ھاياتى زۆرۈرىيەت بولۇپلا قالماي، بەلكى دىنىي ئەقىدە ئۈچۈنمۇ قەتئىي زۆرۈرىيەت بولغانىدى.

ئەمدى بىلىم بىلەن ھۈنەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پەرقى، ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچە توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىمىز.

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ھۈنەرنى ئەزىز بىلىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ بىرى. ئاۋام مائارىپىدا ھۈنەر ئۆگىتىش، ئۆگىنىش سان جەھەتتە مەكتەپ-مەدرىسە مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن بالىلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولاتتى. بۇ قوشۇن مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىغان. «بىر ئەركە 72 خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ»، «ھۈنەرسىز ئەر بىرنى يېگەر، ھۈنەرلىك ئەر مىڭنى» دېگەنگە ئوخشاش يۈزلەنگەن ماقال-تەمسىللەر ھۈنەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى، مەنىۋى تەييارلىق رولىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن. بىلىم دېگەن ئومۇمىي مەنىدىكى

بەت 261

تەلىم - تەربىيە تەلەپىنى كۆرسەتسە، ھۈنەر دېگەن كەسپىي بىلىمگە قارىتىلغان. بۇلار ھەم بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەم بىرى - بىرىدىن پەرقلىق. تارىختىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، ئۆي روزىغار ۋە ئۇنىڭ جابدۇقلىرى مانا شۇ ھۈنەرنىڭ خاسىيىتىدىن كەلگەن. بىز ئۇنى ھازىر قول ھۈنەرۋەنچىلىك دەپ ئاتايمىز. بۇرۇن خەلقىمىز ئۇنى ئىلىم - ھۈنەر دەپ قارايتتى. ئەگەر شۇ ھۈنەرۋەنلەر بولمىغان بولسا، بۇ گۈزەل تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قول ھۈنەرۋەنلەرنى تەربىيىلەپ: «بارلىق تاقسۇق ئىشلار شۇلارنىڭ قولىدىن چىقىدۇ» دېگەن. يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۇنياغا قارايدىغان بولساق، ھۈنىرى سەۋەنلىك كۆپ قوللار قەدىرلىك بولماقتا، قانچىلىغان ھۈنەرسىز خوجىلار قوللارنىڭ ئالدىدا ئامالسىز قالماقتا.» ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدىمۇ ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى كۆپ تەرەپتىن چۈشەندۈرۈلگەن. ھۈنەرنىڭ تۈگىگى يوق، ھەرقانداق ھۈنەر كىشىلىك تۇرمۇشتا لازىم ئىكەن، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرسا، چوقۇم تۇنۇق قازىنىپ روناق تاپقىلى بولىدۇ.

ھازىرقى دۇنيا تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن غايەت زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. پەن - تېخنىكا زامانىۋىلاشتى. نۇرغۇن ئەللەر ھۈنەرنىڭ خاسىيىتىدىن ئەڭ مەدەنىيەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى، قايسى ئەلدە ھۈنەر تەرەققىي قىلمىغان بولسا، ئۇلار مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىرى يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ زەربىسىدە، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ تۇردى. بۇنداق ئەھۋالدا كۆپلىگەن ئۇستىلار ھۈنەرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا يول تۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە خاتا تاللاش. ھۈنەر دېگەن مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. بىراق، ئۇنى زاماننىڭ تەلەپىگە يارىشا يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھۈنەر ئىگىلىشىگە

253

بەت 262

ئىلھام بېرىش بىلەن ئۇلارنىڭ زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئىلھام بېرىشلىرى لازىم.

4. ۋاقىتنىڭ قەدرى - قىممىتى ھېس قىلدۇرۇلمىغان بالا مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ

ئائىلە تەلىم - تەربىيىسىدە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئومۇمىي قائىدىنىڭ بىرى، بالىلارنى ھايات مۇسابىقىسىدە، ھەربىر ئىشتا، تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇشقا ئۆگىتىش كېرەك. ۋاقىتنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى. ۋاقىتنى تەرتىپلىك، ئورۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمىگەن ئادەم ھەرگىزمۇ باشقا ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. قايسى ئىشلارنى ئالدى بىلەن قىلىش، قايسى ئىشلارنى كېيىن قىلىش، قايسى ئىشنى شۇ ۋاقىتتا، ئۆز ۋاقتىدا قىلىش، قايسى ئىشنى ئارقىدىن، ئەتە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىش، ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. مەسئۇلىيەتكە ئۆگىتىلگەن بالىلار ھەرقانداق ئىشنى كەينىگە سۈرمەيدۇ، ئۆز ۋاقتىدا قىلىدۇ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۆۋەن، ۋاقىت ئېڭى تۇرغۇزۇلمىغان بالىلار بۈگۈنكى ئىشنى ئەتەگە قويىدۇ، كېيىن قىلساممۇ بولىدۇ، دەپ سەل قارايدۇ - دە، ئەتەيسى ئۇ ئىشنىڭ ۋاقىتنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قىلىدىغان ئىشلىرىڭنى نېمە ئۈچۈن ئارقىغا سۈرىسەن، ئىشلىرىڭنى سوزما، ۋاقتىدا قىل. چۈنكى ئۆمرۈڭ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. بۈگۈنكى ئىشىڭنى ئۆز ۋاقتىدا قىلمىساڭ، ئەتەكى ئىشمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇۋېرىدۇ، ئىش ئۈستىگە ئىش توپلىنىپ قالىدۇ. بۈگۈنكى ئىشىڭنى ھەرگىزمۇ ئەتە قىلىمەن، دېمە، ئەگەر ئەتە ئىش چىقىپ قالسا،

بەت 263

بۈگۈنكى ئىشڭنى ئەتەگە قويما. ھەربىر كۈننىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئىشى بولىدۇ. ئەڭ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى تېزراق قىل، زۆرۈر ئىشلارنى ھەرگىزمۇ كېيىنگە سوزما» دېگەن.

ھاياتلىق دۇنياسى چەكسىز «بۈگۈن» ۋە «ئەتە»لەردىن تەشكىل تاپقان مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. زامان، ماكاندىن مۇستەسنا ھېچقانداق شەيئى مەۋجۇت ئەمەس. بىراق، ۋاقىت چەكسىز بولسىمۇ، بىراق بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تولىمۇ چەكلىك. ھازىرغىچە ۋاقىتنى بويسۇندۇرغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ۋاقىت ئورۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر كۈنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك، ئۈنۈملۈك ئۆتسە نىسبىي ھالدا ۋاقىتنى بويسۇندۇردى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەگەر ھەربىر كۈنلىرىنى ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ قالغان بولىدۇ. ۋاقىت مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەتنى ۋاقىت ئېيتىشقا ئادەملا قازىنالايدۇ، ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويغان ئادەم ھاياتنى قولدىن بېرىپ قويغان ئادەم. بىر ئاپتور: «ئەتە» بۈگۈننىڭ چوڭ دۈشمىنى، «ئەتە» بىزنى بار-يوقىمىزدىن ئايرىيدۇ، دېگەن ئىكەن. ۋاقىتنىڭ قەدرى-قىممىتىگە يەتكەن نۇرغۇن ئالىملار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇھىم سىرى، ئۇلار بۈگۈننىڭ ئىشىنى ھەرگىزمۇ ئەتەگە قويمىغان. ئەگەر ۋاقىت ھاياتتا ئالتۇندىن قىممەتلىك دەپ قارالسا، بۈگۈننىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە ئىگىلىيەلمەيدۇ.

شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەۋلادلارغا قىلغان ئەڭ قاتتىق ۋە كېسكىن تەلىپى ئۆمۈرنى ۋە ۋاقىتنى قەدىرلەشنى دەۋەت قىلىش بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن - نۇرغۇن تەجرىبە - ساۋاقلارنى سۆزلەيدۇ، نۇرغۇن ئۆرنەكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھاياتنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە پۇرسەتلىرىنى، ئۆلۈمنىڭ زەربىسى ۋە كۈلپەتلىرىنى بىرمۇبىر كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

بەت 264

«بالام، توغرا يولدىن ئاداشماسلىققا تىرىشقىن، يىگىتلىكىڭ بىكار ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلان. ئۇنى قەدىرلە، تېز كەتكۈسى، ھەرقانچە تۇتساڭمۇ ئاخىرى قاچىدۇ. سېنىڭدە يىگىتلىك كۈچ - قۇدرىتىڭ باردا، ئۆمرۈڭنى زايا قىلماي ياخشى خىزمەت بىلەن بېيىتقىن. مانا مەن يىگىتلىك چاغلىرىمنى بىھۇدە زايه قىلغانلىقىمدىن قايغۇرۇپ ئۆكۈنمەكتىمەن. بىراق، ئۆكۈنۈشتىن نېمە پايدا دەپ سۆزۈمنى كېسىمەن. ئۆمۈر قىرىققا يەتكەندە، ئادەم ياشلىقى بىلەن خوشلىشىدىكەن. مانا ماڭا ئەللىك ياش قولىنى تەگكۈزدى. قوزغۇن تۈسىدەك قارا بېشىمنى ئاق قاپلىدى. ئاتمىش مېنى چاقىرىپ كەل دەۋاتىدۇ، ئەجەل يەتمىشە ئۆياقتىمۇ بارارمەن. كىشىنىڭ يېشى ئاتمىش ھېسابىنى تۈگەتسە ئۆمرىنىڭ يېزى تۈگەپ، قىشقا كىرىدۇ. ھاياتنىڭ زەۋقى تۈگەيدۇ. مانا ئوتتۇز يىققاننى ئەللىك ئېلىپ تۈگەتتى، ئاتمىش قول ئۇزارتسا نېمىلىرى قالاركەنتاك! ئەي ئەللىك ياش، مەن ساڭا نېمە قىلغان، ماڭا نېمانچە ئۆچ ساقلايسەن؟! يىگىتلىكتىكى بارچە ئىشلىرىم شۇنچە شېرىن ئىدى، مانا ئەمدى ئىشىمنى زەھەر قىلدى. بويۇم ئۆتتەك تۈز چاغدا كۆڭلۈم يادەك ئەگرى ئىدى، كۆڭۈلنى ئۆتتەك تۈز قىلغۇچە بويۇم يادەك ئېگىلدى، پۈكۈلدى. يىگىتلىكىم ماڭا نېمە يىققان بولسا، قېرىلىق كېلىپ ھەممىنى تارتىۋالدى. بۇ ھال ساڭىمۇ كېلىدۇ.» (359 ~ 372)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتقا ۋە ۋاقىتقا شۇنچە تەلمۈرۈپ، يەنىلا ئۆمرىنىڭ، يىگىتلىكىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەۋلادلارغا تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولىدۇ. ئەگەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن تارتىپ قاتتىق تۇتۇلۇپ، ھەر كۈنى، ھەر ئېيى، ھەر يىلىنى قاتتىق تۇتۇپ پايدىلانغان بولسا، ئۆنچە مول، ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر بىلىم بايلىقلىرىنى قانداقمۇ ھاسىل قىلالىسۇن، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ھاياتقا تېخىمۇ قاتتىق تەلەپلەرنى قويۇش ئارقىلىق ئەۋلادلارغا تەنسىھ قىلىدۇ. ئۇ

256

بەت 265

تۆۋەندىكى تۆمۈر خۇلاسىسىدە تېخىمۇ قاتتىق ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ: «ئەپسۇس دەيمەن، يىگىتلىكىمگە ئېسىت! سېنى تۇتۇشنى بىلمەي قاچۇرۇپ قويدۇم. يىگىتلىكىمنى ئۆتكۈنچى بولۇتتەك يوقاتتىم، ھاياتىمنى شامالدەك تۈگەتتىم. ئەي يىگىتلىكىم، يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلگەن بولساڭ، ئالقىنىمدا كۆتۈرەتتىم، ئايىغىڭغا تاۋار - دۇردۇندىن پايانداز سالاتتىم.

ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، ياشلىقىمنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ھەرقانچە تەقەززا بولساممۇ، ئۇنىڭغا قايتا مۇيەسسەر بولالمىدىم. يىگىتلىكىمنى نەگە يوقاتتىم، ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئەمدى ئۇنى تىلىسەممۇ تاپالمايمەن. مەن بىلمەپتىمەن، يىگىتلىك ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل مەۋسۈمى ئىكەن. ئۇ كىشى ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ شىرىن چېغى، شىرىن جېنىنىڭ لەززەتلىك بېغى ئىكەن. ئەمدى بونى ھېس قىلغىنىمدا ياشلىقىمنىڭ راھىتىنى، يىگىتلىكنىڭ لەززىتىنى قاچۇرۇپ، مەھرۇم بولۇپ قالغانلىقىمنى سەزدىم. دۇرۇسراق ئۆتۈلگەن بولساممۇ غېنىمەت ئىدى. ئەپسۇسكى، ھاياتىمنىمۇ بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتتىم. ئەي يىگىتلىكىم، ھەسرەت بىلەن ساڭا ئېچىنىمەن. مەندىن يىراقلاپ شۇنچە كۆركەملىكىمدىن مەھرۇم قىلدىڭ. ئىككى مەڭزىم ئەرغۇۋاندەك قىزىل ئىدى، بۈگۈن مانا يۈزۈمگە زەپەران ئۇرۇقىنى سەپكەندەك بولدۇم. ئىپاردەك قارا چاچلىرىمغا كافۇر پۈركۈدۈم. ئايدەك تولۇق يۈزۈمنى قاياقلارغا كەتكۈزگەندىمەن؟ تۆمەن خىل گۈللەرگە پۈركەلگەن پارلاق ياز ئىدىم، ئەمدى ھەممىنى قۇرۇتۇپ، خازان بولدۇم. قېپىندەك بويۇم ئوقتەك دۇرۇس، تۈز ئىدى، ئېگىلىپ، مۆكچىيىپ يادەك بولدۇم. ھاياتىمنىڭ پەيزى چاغلىرىنى بىھۇدە زايه قىلدىم. ئۆكۈنۈش بىلەن كۆزۈمدىن قانلىق ياش سىرغىماقتا. بالىلىقىمنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم، يىگىتلىكىمنىمۇ يوقاتتىم. كۆڭلۈمنى قارايتىپ، ئۆزۈمنى چۆكتۈردۈم. يېمەك - ئىچمەك بولسا ئۆيدەك يەپ - ئىچتىم، ھەۋەس قوغلۇشۇپ نۇرغۇن چاڭ توزانىتتىم. قوش ۋە ئۆددىن سۆيۈنۈپ، ئۆچقۇر ئارغىماقتا

بەت 266

دۆڭلەرگە چاپتىم… گۇناھسىزلارنى گۇناھقا بۇيرۇپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى يېيىلدىم، تىل تەگكۈزدۈم، قول ئۇزارتتىم. غالىب ئەلەردەك مەيدەمنى كېرىپ، مەغرۇرلىنىپ قىيادەك غادايدىم. مەن مەستلىكتىن ئويغانغان ئەردەك ھوشۇمغا كېلىپ، ئۆزۈمنىڭ يولدىن ئازغانلىقىمنى بىلىپ، خۇدادىن بەك ئۇيالدىم. بەندىنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن دەپ، خۇدانىڭ ئىبادىتى قالدى. جاھان كېزىپ يۈرۈپ، يولدىن ئېزىپتىمەن. ھەۋەس قوغلىشىپ خېلى چاپتىم، قۇتۇرغان بۆرىدەك جاھاننى ئىگىرىتتىم، كىشىلەرگە زورلۇق قىلىپ پۇلنى ئالدىم. بىرىگە غەزەپ قىلىپ، يەنە بىرىنى رەنجىتتىم. رەببىم مەندىن نېمىشقا شۇنداق ئەسكىلىكلەرنى قىلدىڭ دەپ سورىسا نېمە دەرمەن دەپ تولىمۇ ئۇيالدىم.» (6521 ~ 6544 - بېيىتلارنىڭ مەزمۇنى) ①

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرنىڭ ھەربىر سەھىپىسىدە ھاياتنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلىپ تۇرىدۇ، ياشلارغا ياشلىق چاغلىرىنى غەنىيمەت بىلىش توغرىسىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلىپ ماڭىدۇ. ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە مۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ: «ھاياتىڭنى زايه قىلماي، ھەربىر كۈنۈڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ياخشىلىقنى ئۆزۈڭگە كەسەپ قىل.» (1333) «ئوغلۇم، ئاڭلاپ تۇرغىن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشى بىلەن بولغىن، لېكىن ھەرگىز غاپىل بولما، ئويغاق ياشىغىن، ئادەم دېگەن ۋاقىتنىڭ تۇيغۇنى، ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە بىر قەدەممۇ باسالمايسەن، بىر نەپەسمۇ توشۇق ئالالمايسەن. جىمى نەرسىنىڭ سائەت، كۈنى بەلگىلىك، نەپەس ئېلىشنىڭمۇ سانى بار. قارىماققا يىللار، ئايلار، كۈنلەر ئۆتكەندەك تۇرسىمۇ، ھەربىر كۈن سېنىڭ ئۆمرۈڭنى خورىتىدۇ. ئوغلۇم، مېنىڭ قانداق كەتكەنلىكىمدىن ئىبرەت ئېلىپ ئويغاق ياشا.» (1208 ~ 1215) ھاياتتا ئەڭ كېرەكلىك ئىشلارنى ئاۋۋال قىلىش توغرىسىدا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئالدى بىلەن

① يارمۇھەممەت تاھىر تۈزگەن رومانلاشتۇرۇلغان «قۇتادغۇبىلىك» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى 392 - بەت. 258

بەت 267

لەرىنىڭ ئۆكۈنۈشىدىن ساۋاق ئال. بۇلار: ئەڭ كېرىكلىك ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، ھەۋەسكە بېرىلىپ مەنىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپتىمەن. ھايات دېگەن شامالدەك ئۆتۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭغا ئامال يوق. ئۇنى پارا بېرىش بىلەنمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن، دېگەن.» (1173 ~ 1176)

ئومۇملاشتۇرغاندا، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى ۋاقىت تەرتىپى بىلەن ياخشى، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، بىر تەرەپتىن شۇ ئادەمنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل ياخشى ئادەت شۇ ئادەمنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى تېكىس كۆتۈرۈپ بېرىدىغان بىر ئامىل بولۇپ قالىدۇ. كۈندىلىك، يىللىق، ئۆمۈرلۈك تۇرمۇش تەرتىپىنى تەتقىق قىلىش ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭمۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالدى. چۈنكى كۈندىلىك، يىللىق، ئۆمۈرلۈك تۇرمۇشنىڭ تەرتىپ پروگراممىسىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ناھايىتى چەكلىك، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار چەكسىزدۇر، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىسقا ئۆمۈر مۇساپىسىنى قانداق قىلىپ مەنىلىك، مۇھەپپەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۇنىڭ ھەربىر كۈنىدە نېمىلەرنى قىلغانلىقى، قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى، ۋاقىتتىن قانداق پايدىلانغانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قىممەت تارازىسىدا قانچىلىك توختايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ. مەدەنىيەتلىك خەلقلەر بىلەن مەدەنىيەتسىز خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىدە نۇرغۇن پەرقلەر بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئەڭ مۇھىم پەرق ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك، يىللىق، ئۆمۈرلۈك تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىكى پەرققە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە باشقا ئىشلىرىغا پۇتۇنلادە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

بەت 268

توققۇزىنچى باب: بەختكە ئېرىشىش ۋە بەھرىمەنلىك تەربىيىسى

ئىنسان دۇنياغا بەخت ئۈچۈن كېلىدۇ، بەخت ئۈچۈن ياشايدۇ، بەخت ئۈچۈن ئۆلىدۇ. بەختسىزلىك ئۈچۈن تۇغۇلغان، بەختسىزلىك ئۈچۈن ياشايدىغان، مەڭگۈلۈك بەختسىزلىك ئۈچۈن ئۆلىدىغان ئادەم يوق. ئەپسۇسكى، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا بەزى كىشىلەر بەخت ئۈستىگە تۇغۇلسا، بەزى كىشىلەر بەختسىزلىك ئۈستىگە تۇغۇلۇدۇ، بەزىلەر بەختلىك ياشاپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسا، بەزىلەر ئۆمۈر بويى بەختسىزلىك بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئادەم ئەسلىدىنلا بەختلىك يارىتىلغان تۇرسا، بەزىلەر بەختلىك ياشىيالايدۇ، يەنە بەزىلەر بەختسىزلىك كۈلپەتلىرىنى تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قادىرمۇ ياكى بەخت دېگەن ئەسلىدىنلا پېشانىگە پۈتۈلۈپ كەتكەنمۇ؟ يۇقىرىقى سوئالغا بېرىلگەن جاۋابنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئىنسانلارنىڭ بەخت قارىشىدا، بەختتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدا خاراكتېرلىك پەرقلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن نازۇك ئىنسانشۇناسلىق مەسىلىسى بولۇپ كەلدى. مۇشۇ جەھەتتىكى تەلىم-تەربىيىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى پەرزەنتلەرنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرىگە پۇتۇنلادە تەسىر كۆرسەتتى. بىزنىڭ نۇرغۇن بالىلىرىمىز قارىغۇ، ئەما، گاس، مەجرۇھ، تەقدىرچىلىك ئەقىدىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يۈسۈپ

بەت 269

خاس ھاجىپ ئىنتايىن ئىلغار بولغان قىممەت قارىشى ۋە بەخت ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەنگەنىدى. ئاتا - ئانىسى، ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ئەركىن تەپەككۇرنى، ئىنتىلىشلىرىنى، غايىسىنى، مەقسەت، مۇددىئاسىنى ئەركىن قانات قېقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانىدى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مەنىۋى قاناتلىرىنى قارىغۇ تەقدىر يىپى بىلەن بوغۇشلاپ قويمىغان. شۇڭا، ئۇ ئۆمۈر بويى بەخت ئۈچۈن ئىزدەنگەن، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان گاڭ قاناتقا ئىگە بولالىغان. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈلگەن بەخت - سائادەت ئىدىيىسى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى سېزىپ بەرگەن بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش ئەندىزىسى زامانىمىز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشنىڭ ئەندىزىسى قىلسا تامامەن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. پەرزەنتلىرىمىز بەختلىك ياشاشقا ھوقۇقلۇق، بىز ئاتا - ئانىلار ئۇلارنىڭ بەختىنى قولىغا بېرەيلى.

1. پەرزەنتلەر ئۆزىنىڭ بەختى بىلەن بىللە يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلسۇن

ھەرقانداق ئادەم بۇ دۇنياغا ئۆزىنىڭ بەختى بىلەن بىللە تۇغۇلىدۇ. ئادەمگە ئەقىل - پاراسەت، پەزىلەت ۋە بىلىم بېرىپ بۇ دۇنيانىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى تۇتقۇزغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئىنسان بالىلىرىنىڭ بۇ دۇنياغا بەخت بىلەن بىللە تۇغۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ دۇنيادىكى بارلىق مەئىشەتنىڭ ئىنساننىڭ پايدىلىنىشىغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەنلىكىدىنمۇ ئادەمنى ئاللانىڭ قانچىلىك ئەزىز ۋە قەدىرلىك قىلغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئاللا ئەزىز قىلغاندىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمۇ؟

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنى ھەرگىزمۇ بەختسىز ھېس قىلمىغان، ئۇ دۇنياغا ئەزىز بولۇپ يارىتىلغان[Footer] 261

بەت 270

لىقىنى، چەكسىز بەخت ئۈستىگە تۇغۇلغانلىقىنى تونۇپ ياشىغان. ئۇ بۇ خىل بەخت ئېڭىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «ئاللا ئادەمنى تاللاپ ئەزىز ۋە قەدىرلىك قىلدى. ئۇنىڭغا ئەقىل - ئىدراك، بىلىم ۋە پەزىلەت بېرىپ يۈكسەلدۈردى، قەلب ئاتا قىلدى، تىل بېرىپ قەلبىنى يورۇتقۇچى قىلدى. گۈزەللىك، خۇش پېئىللىق ۋە نومۇس بەردى. ئادەم بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغلۇققا يەتتى، ئەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن تۈگۈنلەر يېشىلدى. خۇدا كىمگە ئەقىل بىلەن بىلىم ئاتا قىلغان بولسا، بارلىق ياخشىلىقلارغا قول سۇنالايدۇ، بىلىمنى بۈيۈك، ئەقىلنى ئۇلۇغ بىلگۈلۈك، بۇ ئىككىسى قولنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ بۈيۈكلۈككە ئىگە قىلايدۇ.» (148 - 154)

يۇقىرىقى بايانلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوققۇر سىڭدۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى بەخت ۋە ئىنسان تەربىيىسىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن، كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلغار بەخت ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزى كۆزقاراش دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئادەمنىڭ بەختلىك ۋە بەختسىز بولۇشىنىڭ بىرىنچى ھەل قىلغۇچ قەدىمى، شۇ ئادەم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئەقىل - ئىدراكقا، پەزىلەتكە، بىلىمگە ئىگە بولغان، دۇنيانىڭ خوجايىنى ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا. بۇ خىل چۈشەنچە قانچىلىك بالدۇر شەكىللەندۈرۈلسە، ئادەم شۇنچىلىك بەختلىك بولىدۇ ۋە بەخت يولىنى ئېچىشقا يۈز تۇتالايدۇ. ئەگەر بۇ خىل چۈشەنچە توغرا تۇرغۇزۇلمىسا، ئادەم مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ. «ئادەمدە ئەقىل بىلەن بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ بولالغان، پۈتۈن تەس تۈگۈنلەرنى يېشىشكە قۇربىتى يەتكەن، قۇللۇق مەھكۇملۇقتىن بۈيۈكلۈككە ئېرىشكەن، بارلىق تىلەكلىرىگە يەتكەن، ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت تىلىپى بولامدۇ؟»

262

بەت 271

ئۇنداق بولسا، ئادەمنى بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدىغان نەرسە نېمە؟ پېشانە - تەقدىرمۇ، ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ، جەمئىيەتمۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلىرىگە بەختسىزلىكنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان.

بىلىمسىزلىك، ئەقىلسىزلىك، بەختسىزلىكنىڭ ئانىسى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە بىلىمسىزلىك كەلتۈرىدىغان بەختسىزلىكنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: «بىلىمنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ بىلىم دېگۈدەك، بىلىمسىز كىشىنىڭ ھەممىسى كېسەلمەن بولىدۇ، كېسەلمەن ئادەم داۋالانمىسا تېزلا ئۆلىدۇ. بىلىملىك ئەردىن كېسەللىك يىراقلىشىدۇ، ئەي ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك كېسىلىگە داۋا قىل. ئەي نادان، بىلىملىك قېشىغا بېرىپ بىلىمسىزلىك كېسىلىنى داۋالاتقىن.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يەنە بىر ئەسكەرتىشى، بىلىمسىز، ئەقىلسىز ئادەم ھايۋان بىلەن باراۋەر، ھايۋان نادان ئادەمدىن ياخشى، ھايۋاندىن مەنپەئەت يېتىدۇ، نادان ئادەمدىن ئاپەت كېلىدۇ. يەنە بىر تەۋسىيەسى، نادان، بىلىمسىز ئادەم گەرچە نەپەس ئالسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روھى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن. ئادەم بالىسى ئۈچۈن ئەقىل - ئىدراك بىلەن يارىتىلىپ، بىلىمگە ئىشتىراك قىلىنغان بولسىمۇ، ئۆزىنى ئەقىلسىزلىككە، بىلىمسىزلىككە مۇپتىلا قىلىپ كېرەكسىز، زەئىپ، يارماس، ئۆلۈكتىن، ھايۋاندىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشتىنمۇ بەختسىزلىك، مەھرۇملۇق بارمۇ، ئادەم دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە ئادەمىيلىك ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئادەمىيلىكتىن مەھرۇم بولۇپ قالسا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئادەمىيلىكتىن مەھرۇم بولۇپ ئېرىشكەن نەرسىنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن؟

بالىلاردا توغرا، ئىلغار بولغان بەخت قارىشىنى ۋە بەخت ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئەمەلىيەتتە بالىلارغا توغرا، ئىلغار قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرۈپ تەربىيەلەش تەلەپىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بۇ دۇنيادا

بەت 272

نېمىنى ئۇلۇغ بىلسە ئۇ شۇنىڭ قىممىتىگە تەڭ، ئۇنىڭ ھاياتلىقتىكى كۈرەش نىشانى ئۇنىڭ تاللىغان، قوبۇل قىلغان قىممەت قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئادەم ئۆزىنى ئۇلۇغ دەپ بىلسە ئۇ ئۇلۇغ بولالايدۇ، ئۆزىنى پەس - ئارزۇ ھەۋەسكە بەندە قىلمىۋەتسە، ئۆزىنى ئەڭ پەس، ئەرزىمەس مەخلۇق قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئىنسانىي قەدىر- قىممىتىنى يوقىتىدۇ. بۇمۇ شۇ ئادەمنىڭ قىممىتى.

بۇنداق ئوخشىمىغان قىممەت قەيەردىن كېلىپ چىقتى؟ ئۇ ئالەمنىڭ دۇنياغا كېلىپ قوبۇل قىلغىنى روھىغا سىڭدۈرۈلگەن شۇنداق ئوخشىمىغان ئاڭ بولدى. بىرى، ئۇلۇغلۇق تاجىنى كىيدى، يەنە بىرى، خارلىق ئازگىلىدا ئېگىردى. بۇنىڭ شان - شەرىپىمۇ تەربىيىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ، ئۇنىڭ تراجېدىيىلىك مەغلۇبىيىتىمۇ تەربىيىلىگۈچىلەرگە تاللىق. ھەرگىزمۇ بۇ يول شۇ بالىلارنىڭ بىرى ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى تاللىغان، يەنە بىرى، توغما ئەقىلسىز بولغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇبىيەتلىك يولنى تاللىغان دېسەك، تولىمۇ خاتالاشقان بولىمىز.

يۈسۈپ خاس ھاجىپلارغا ئۆز دەۋرىدە ئەڭ ئىلغار قىممەت قارىشى سىڭدۈرۈلۈپ تەربىيىلەنگەن. ئۇلار پۈتۈن ھاياتىنى ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىگە بېغىشلىيالىغان. بۇنداق روھ ئۇلارنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلگەن ئىلغار قىممەت قارىشى ۋە بەخت قارىشىدىن كەلگەن. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە: ئادەم دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئاسمانغا چىقالايدۇ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ، بەختكە ئېرىشەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ بەختىنى يارىتالايدۇ، دېگەنگە ئوخشاش قىممەت قارىشىغا ئىگە قىلىنغان. ئادەملەر دۇنياغا باراۋەر يارىتىلغان، بەختلىك يارىتىلغان. جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك ۋە زۇلۇم ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، ئۇلارنى بەختسىز قىلىپ قويغان. ئۇلارنىڭ تەڭسىزلىكى ھەرگىزمۇ تەقدىردىن ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەتنىڭ

بەت 273

ئادىل بولمىغانلىقى، قانۇن - تۈزۈمنىڭ باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلمىغانلىقىدىن بولغان قاراش سىڭدۈرۈلگەن. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەمئىيەتتە بۆرە بىلەن قوي بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىدىغان، زۇلۇم بولمىغان، ھەممە ئادەم ھاياتىنىڭ پېيىزىنى سۈرۈپ، بەختىيار ياشىيالايدىغان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بۇنىڭ نېگىزى قانۇن - تۈزۈمنى باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇش، ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى.

بىراق، مۇنداق قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئادەمدە بىلىم بولۇشى كېرەك ئىدى. بىلىم بولغاندىلا ئادەم ئۆزىنى بىلىدۇ، جەمئىيەتنى بىلىدۇ، ياخشى - ياماننى توغرا پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولىغا ئالالايدۇ. ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولالايدۇ. «قاراپ باقساڭ، بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئاۋام خەلق بولسۇن ياكى جاھان سورىغان بەگلەر بولسۇن، ئۇلاردىن قايسىسى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بولغان بولسا، ئۇلار شۇ زاماننىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىگىسى بولۇپ ئۆتتى. بۇ كۈنلەردىمۇ ياخشى دەپ ئاتالغانلار ئەقىل - پاراسەتتە، بىلىمدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرغانلاردۇر.» (250 - 253) «ھەر كىمنىڭ ئۈستىدە كىيىمى بولىدۇ، بىراق ئەقىللىق، بىلىملىك ئادەم ئەزىز بولىدۇ.» (299) «ئەقىل كىمدە بولسا ئۇ ئېسىل بولىدۇ، بىلىم كىمدە بولسا، ئۇ خان بولىدۇ، بىلىم گادايلىشمايدىغان، ئوغرى - قاراقچىمۇ ئالالمايدىغان بايلىق.» (313) «نادان ئۈچۈن بىلگەن - ئەتكىنىنىڭ ھەممىسى دۈشمەن، ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە شۇلارنىڭ جېدەل - غەۋغاسى يېتەرلىك. ئەقىللىققا ئۆزىنىڭ ئەقلى دوستلۇققا يارايدۇ، نادانغا ئېتى قارغىش ياغدۇرىدۇ. بىلىملىككە ئىلمى تولۇق تون ۋە ئاش بولىدۇ، بىلىمسىزگە قىلىقى ئەڭ يامان ئەسكى ئاداش بولىدۇ.» (318 - 321)

265

بەت 274

2. ياخشىلىق قىلىپ ياخشى نام قالدۇرۇشقا ۋە بەختلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەختكە يېتىكلەش، بەختكە رىغبەتلەندۈرۈشتە پەرزەنتلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، ياخشى نام قالدۇرۇش بىلەن بەختنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ناھايىتى ياخشى تەلىم-تەربىيە ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ياخشىلىقنىڭ بەندىسى. ياخشىلىق مەڭگۈ قېرىمايدۇ، ياخشىلىقنىڭ چېكى يوق. ھاياتىنى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشمۇ ياخشىلىق، ئوچۇق چىراي، تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشمۇ ياخشىلىق. ئەلىشەر ناۋائىينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: ياخشىلىق قولىدىن كەلمىگەن ئادەم، باشقىلارغا يامانلىق قىلمىسىلا، شۇمۇ ياخشىلىق جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. ياخشىلىق ئادەمگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، يامانلىق ئادەمگە يامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ دۇنياغا ياخشىلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ياخشى نام قالدۇرۇشنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، بەختىيار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۆز دەۋرىدىكى تەلىم-تەربىيە يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ياخشىلىق قىلىش، ياخشى نام قالدۇرۇش ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ يادروسى ئىدى. چۈنكى، ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق ئەقىدە-ئەھكاملىرىنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا: «ياخشىلىق قىلىش، يامانلىق قىلماسلىق» دېگەن مەزمۇنغا مەركەزلىشىدۇ. ياخشىلىق قىلىش ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئەمەلىي ئىپادىسى، يامانلىق قىلىش ئەقىدىگە بولغان ئاسىيلىق… ئىسلام دىنىدا ياخشىلىق دېگەن مەنىنى «ئېھسان» دەپ ئاتايدۇ. ئىسلام دىنى ئۈچ ئىش ئۈستىگە قۇرۇلغان، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلار: «ئىمان، ئىسلام، ئېھسان» دىن

بەت 275

ئىبارەت. ئېھسان ئىماننىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى، ئېھسان بولمىسا ئىمان يالغان دەۋا بولۇپ قالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ياخشىلىققا بۇيرۇغان، يامانلىقتىن توسقان ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ: «ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.» ① يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.» يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە ياخشى گەپ قىلىڭلار.» «ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنا، يىراق قوشنا، ياندىكى ھەمراھقا، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قول-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار.» ②

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قويۇڭنىڭ تۇيىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ، ياخشىلىقتىن ھېچ نەرسىنى كىچىك سانىماڭلار» دېگەن. دېمەك، ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى، ئاللاھنىڭ دوستلۇقىغا نائىل بولغىلى بولىدۇ. مۆمىن ئۈچۈن بۇ تەڭداشسىز بەخت. ياخشىلىق قىلساقمۇ ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزۈزگە، يامانلىق قىلساقمۇ ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزۈڭگە، دەپ ئەسكەرتىلىدۇ. شۇڭا 11-ئەسىرلەردىكى پەرزەنت تەربىيىسىدە بالىلارنى ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى، يامانلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇراتتى.

تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەر، ئۆز دەۋرىدىكى پەرزەنتلەرگە بېرىلگەن ياخشىلىق قىلىش، يامانلىق قىلماسلىق، ياخشىلىق ئارقىلىق بەختنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەربىيەنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولالايدۇ. «ئىنسان ھەر ئىككى دۇنيانىڭ بەختىنى تىلىمەك بولىدىكەن، قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشى لازىم. ئادەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ياخشى نامى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. دېمەك، سەن مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئېتىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، ئېتىڭ مەڭگۈلۈك بولسۇن.»

① سۈرە بەقەرە، 195-ئايەت. ② سۈرە نىسا، 36-ئايەت.

267

بەت 276

سا، ئۆزۈڭمۇ مەڭگۈلۈكسەن.» يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئوغۇل، ئەگەر خەلق ئارىسىدا قولۇڭ ئۇزۇن بولۇپ قالسا، سۆزدە ۋە ئەمەلدىمۇ ياخشىلىق قىل. يىگىتلىك كېتىدۇ، تىرىكلىكمۇ ئۆچىدۇ. ئادەم چۈش كەبى بۇ جاھاندىنمۇ تېزلا كېتىدۇ. ھايات دېگەن ساڭا بېرىلگەن دەسمایە، ئۇنىڭ پايدىسى ياخشىلىقتۇر. ئۇ ياخشىلىقىڭ ساڭا كېيىن كېيگۈلۈك ھەم ئىچكۈلۈك بولىدۇ. بۇ دۇنياغا قانداق ئادەم تۇغۇلغان بولسا، بىر ئازلا يۈرىدۇ - دە، يەنە ئۆلىدۇ. بەگ بولسۇن، قۇل بولسۇن، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۆزلىرى ئۆلدى، پەقەت قالغان نىشان ياخشى نامى ياكى يامان نامى. ئەمدى بۇ ھاياتلىق نۆۋىتى ساڭا كەلدى، ئەمدى ياخشىلىق قىلىپ، ياخشى نام قالدۇرغىن. تىرىك ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، يەرنى تۈشەك قىلىدۇ. ئەگەر سەن ياخشىلىق بىلەن ياشىغان بولساڭ، نامىڭ تىرىك بولىدۇ. جەمئىيەتتە ئادەمنىڭ ئىككى خىل نامى تىلدا يۈرىدۇ، بىرى ياخشى نام، يەنە بىرى ئەسكى نام. ياخشىلار ھەر قاچان ماختىلىدۇ، يامانلار ھەر قاچان سۆكۈلىدۇ. قاراپ باققىن، ئۆزۈڭگە قايسىسى ياقىدۇ. تارىخقا قارا، يامان خۇيلۇق، زاھاك ئۆكتەملىك، زوراۋانلىقىدىن ئەلنىڭ قارغىشىنى ئالدى، پەرزۇن ياخشىلىقى بىلەن ئەل ئىچىدىن ھەر قاچان ماختالماقتا. ساڭا ئەلنىڭ قارغىشى كېرەكمۇ، ماختىشى، ياخشى دۇئاسى كېرەكمۇ؟ قايسىسىنى تاللاش ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارىڭدىكى ئىش، بىراق كېيىن ئۆكۈنمىسەڭلا بولدى. مەن دۇنياغا كېلىپ نۇرغۇن ياخشى، يامان ئادەملەرنى كۆردۈم. يامانلارنىڭ ئىشى ھەرگىزمۇ راۋاج تاپمىدى. يامانلىق دېگەن خۇددى ئوتقا ئوخشاش يېقىنلاشقان ئادەمنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆنىدىن قۇتۇلۇشقىمۇ يولمۇ قالمايدۇ.» ① «يۈر ئەي ياخشىلىقنى ئۆزۈڭگە بالام، ياخشىلىق قىل، ياخشىلىق - پاراسەت ۋە ئىلمىڭنىڭ مېۋىسى، گەل باشقۇرۇپ سىناق.

268

بەت 277

تەن ئۆتكەن ئەزىمەتلەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: ياخشىلىق نەچچە يىللار ياتسىمۇ قېرىمايدۇ، يامانلىق قانچە پەرداز قىلسىمۇ تۈزەلمەيدۇ. ياخشى ئادەم ھەر كۈنى يېڭى - يېڭى تىلەكلەرگە ئېرىشىدۇ، ياماننىڭ غېمى بولسا «كۈندە مىڭلاپ ئاشىدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە قىلغان ياخشىلىقنى خالىس نىيەت بىلەن قىلىشنى، ئۇنى رىياكارلىق قىلىش بىلەن يۇيۇۋەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ: «ياخشىلىق ۋە ياخشىلارنىڭ تەبىئىتى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭدىن ئۆز ئېلىگە ۋە خەلقكە كۆپ مەنپەئەت يېتىدۇ، لېكىن يەتكۈزگەن مەنپەئىتى ئۈچۈن مىننەت قىلمايدۇ. ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمايدۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ. لېكىن، يەتكۈزگەن نەپى ئۈچۈن بەدەل كۆزلىمەيدۇ.» (866 - 858) ياخشىلىق قىلىپ بولۇپ ئۇنىڭغا بەدەلنى تەلەپ قىلىش بولسۇن ياكى ياخشىلىقنى مىننەت قىلسۇن، ھەر ئىككىسى ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يامغۇردىن كېيىنكى تاشقا ئوخشاش پاك - پاكىز يۇيۇۋېتىدۇ. ئىسلامدا رىياكارلىقنى مۇناپىقلىق ۋە شېرىكلىك ھېسابلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رىياكارلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلغاندا دۇرۇس نىيەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا كۆرسىتىش، ياخشى ئاتىلىپ نەپ ئۈندۈرۈۋېلىشتەك يامان نىيەت بىلەن قىلىدىغان ئادىتى بولغاچقا، ھەدىستە: «كىمكى رىياكارلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەجىر - مۇكاپاتىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ (لېكىن بەرمەيدۇ)، كىمكى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش، ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ قويىدۇ (لېكىن ئەجىر بەرمەيدۇ)» (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «سىلەر ئەمەللىرىڭلارنى كۆرسىتىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، مۇكاپاتنى شۇلاردىن ئېلىڭلار»① دېيىلگەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇڭا، مىننەت قىلىش سېخىيلىقنىڭ ئاپىتى دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.


① ئەھمەت، تەبرانى، بەيھەقى رىۋايىتى.

بەت 278

ئۇنداق بولسا ھەقىقىي دۇرۇسلۇق، چىن ياخشىلىق قانداق بولىدۇ؟ ئىسلامنىڭ ياخشىلىق قىلىش ئۆلچىمى ۋە تەلىپىدە چوڭ ياخشىلىق، كىچىك ياخشىلىق، كۆپ بېرىش، ئاز بېرىش دېگەن مىقدار پەرقى يوق، ھەر كىمنىڭ قۇربىتىگە يارىشا ياخشىلىق قىلىش بۇيرۇلغان: «بىر تال خورما چاغلىق نەرسىنى سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ھەدىستىنمۇ بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر مۆمىن ياخشىلىق قىلسا، ئۇ ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ئاللانىڭ خەزىنىسىگە چۈشمەيدۇ، ئاللا بەندىنىڭ ياخشىلىقىدىن بىھاجەت، بىراق ئاللاغا لازىملىقى بەندىنىڭ ياخشى، دۇرۇس، خالىس نىيىتى. ئاللانىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىنغان ياخشىلىق ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ئاللا ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە مۇكاپات بېرىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە بەرگەن. بۇنداق مۇكاپاتنى شېرىك ھەرگىزمۇ بېرەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللا سىلەرنىڭ شەكىللىرىڭلارغا، مال-دۇنيارىڭلارغا قارىمايدۇ، بەلكى قەلب ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ.»① يەنە مۇنداق دېگەن: «بارلىق ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، ھەربىر ئىنساننىڭ ئىشى نىيىتى بويىچە.»② يەنە مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم بىر ياخشى ئىشنى نىيەت قىلىپ (قۇربىتى يەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك) قىلالمىغان بولسا، ئۇنىڭغا (ئوخشاشلا) بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ»③.

دۇنيادى ئىشلاردا بولسۇن، دىنىي ئىشلاردا بولسۇن نىيەت ئىنتايىن مۇھىم. ياخشى نىيەت ياخشىلىققا ئېلىپ بارسا، يامان نىيەت يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە نىيەتنى توغرا قىلىپ، تىلى بىلەن دىلىنى بىر دەك قىلىشقا كۆپ ئىشتىراك قىلىنىدۇ: «دۇرۇس ئەر شۇنداق بولمىقى كېرەككى، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇشى، تېشىدەك ئىچىمۇ،


① بىرلىككە كەلگەن ھەدىس ② بىرلىككە كەلگەن ھەدىس ③ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان

بەت 279

ئىچىمۇ تېشىدەك بولسا، توغرا نىيەتلىك چىن ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۈرىكىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ، ئەلنىڭ ئالدىدا ئوياتماي يۈرەلىسە بولىدۇ. ئادەم بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا تولۇق بەختكە ئېرىشىمەن دېمەكچى، تىلى بىلەن دىلىنى بىردەك قىلىپ دۇرۇس ياشىشى كېرەك - دۇرۇسلۇق دېگەن كىشىلىكنىڭ ئېتىدۇر.» (862 - 865)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىقنىڭ قەدىر - قىممىتى، يامانلىقنىڭ كۈلپىتى، ياخشىلىقنىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتى، يامانلىقنىڭ كۈلپەتلىك ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى ئۇ ياخشىلىق قىلىشنىڭ دەسمايىسى ئۈستىدىمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ياخشىلىق قىلىش دېگەن خۇددى ئۆرلىمەكتەك قىيىن، يامانلىق قىلماق خۇددى پەسكە چۈشكەندەك ئوڭايدۇر. شۇڭا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ئادەمدە دەسمايە بولۇشى كېرەك ئىدى. دەسمايە بولمىسا نېمىگە تايىنىپ ياخشىلىققا قول سۇنالايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا كىمگە ئەقىل بىلەن بىلىم ئاتا قىلغان بولسا، بارلىق ياخشىلىقلارغا قول سۇنالايدۇ. ئادەم بالىسى بۇ قوقۇر تۇپراققا قەدەم قويغاندىن بۇيان، ھەرقانداق ئىشنىڭ يولىنى بىلىم بىلەن تاپتى. (302) ياخشىلىق دېگەن ئۆرلىگەندەك ئېغىردۇر، يامان ئىش چۈشكەندەك ئاساندۇر. شۇڭا ئاقىللار ئېيتتۇكى، ياخشىلىق ئۆرلىشتەك ئادەم ئىتتىك چىقالمايدۇ، بۇنداق ئۆرلىش ئىشىنى ھەممە ئادەم قىلىپ بولالمايدۇ. قىممەتلىك ئىشلارنى قىلماق قىيىن، ئۇنى بىلىمسىز ئادەم قىلىپ بولالمايدۇ.» (904 - 906) ئەگەر ئادەم نورمال پىسخىكىغا ئىگە بولىدىغان بولسا، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالىغانلىقىدىن تەسىرلىگۈسىز خۇرسەنلىك تاپىدۇ، ئۆزىدە بىر خىل يېنىكلىك، ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ؛ يامانلىق قىلىپ قالسا ئۇنىڭدىن ئۆكۈنىدۇ، پۇشايمان قىلىدۇ، ئازابلىنىدۇ. بىر ئادەمگە

بەت 280

بىلىپ تۇرۇپ يامانلىق قىلغان، زىيانكەشلىك قىلىپ تۇرۇپمۇ ھەرگىز ئازابلىق ھېس قىلمىغان ئادەمنىڭ نېرۋىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى گۇمانلىقتۇر.

ئادەم دېگەن ياخشىلىق بىلەن جەمئىيەتتە قىممەتكە، ھۆرمەتكە ھەم بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ. جەمئىيەتكە پايدىسى تەگمىگەن ئادەمنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. ئۇ ھايات ۋاقتىدىمۇ ھېچكىم ياد ئەتمەيدۇ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھېچكىم ئەسلىمەيدۇ. شۇنداق ئادەمنىڭ تىرىكلىكى بىلەن ئۆلۈكلۈكىنىڭ پەرقى يوق. بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەڭ بەختسىز بىر ھال ئەمەسمۇ؟ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بالىلارغا كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنىڭ قىممىتى، يامانلىق قىلىشنىڭ كۈلپىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۆزىنى ياخشىلىققا ئاتىغان، يامانلىقتىن قاچىدىغان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۇلارغا كۆپ ياخشىلىقلارنى، مەمنۇنلۇقلارنى، خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىشى چوقۇم. بەزى ئادەملەرنىڭ پۇلى بار، باشقىلارغا پۇل ياردەم قىلىپ ياخشىلىق قىلىشى مۇمكىن، بەزى كىشىلەر ھوقۇقىغا تايىنىپ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا قول ئۇزىتىشى مۇمكىن، بەزىلەر بىلىمى بىلەن كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، يامانلىقتىن توسۇپ خۇرسەنلىك تېپىشى مۇمكىن، پۇلى، ھوقۇقى، بىلىمى يوق ئادەملەرمۇ شۇ پۇل ئۈچۈن مۇشتۇمزورلارنىڭ غالىبلىقىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ قارا قولى بولماي، ئۆزىنىڭ نورمال تىرىكچىلىكىگە قانائەت قىلىپ، كىشىلەرگە ياخشى ئارىلىشىپ ئۆتسىمۇ ئۇ يەنىلا خۇشاللىق تاپالايدۇ. باشقىلارغا ئوچۇق چىراي، خاتىرجەملىك بىلەن سالاملىشىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كىچىكىدىن تارتىپ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ بەرسە، يامانلىق قىلماسلىق ھەققىدە تەۋسىيەلەر قىلىپ تۇرسا بالىلارغا بەختتىن بىر ئۈلۈش بەرگەن بولىدۇ:

بەت 281

3545 ھايات ياخشىلىقلار ئۈچۈن دەسمايە، ئەي ئالىم ئۇنى ھېچ قىلما سەن زايه.

3. بەختنىڭ تېگى مېھنەت

كىشىلىك ھاياتتا مەڭگۈلۈك بىر ئومۇمىي قانۇنىيەت شۇكى، ئادەم ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ئىشلىمەي تۇرۇپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ خۇددى نېمە تېرىسا شۇ ئورغانغا، ئەگەر تېرىمىسا ئورۇشقىمۇ ئوخشاش ئىش. ئادەم مېڭىش مېھنىتىنى تارتسا ئاندىن ئۇنىڭ پۇتى ئادەمنى مەنزىلگە ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر مېڭىشتىن ئېرىنىپ ياتسا، بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمايدۇ. ئادەم ئۈچۈن تىرىكچىلىك كېرەك، كالغا ئاش، ئۇچىغا كىيىم كېرەك. ياشاش ئۈچۈن بۇ بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر ئادەم ئىككى كۈن ئاچ قېلىپ مۇھتاجلىققا چۈشۈپ قالغاندا، ئاندىن ماددىي نېمەتنىڭمۇ ھاياتتا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەشەببۇسلىرىدا ئادەم كىچىكىدىن باشلاپلا مېھنەتنى چۈشىنىشى، مېھنەت قىلىشنى بىلىشى كېرەك. مېھنەتنى، مېھنەت قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ خۇسۇستا تۆۋەندىكى بايان ئۇنىڭ پەلسەپىۋى يەكۈنىدۇر:

3551 ئۈچى بولسا نېمەت تۈۋى مېھنەت ئول، بېشى بولسا مېھنەت، سوڭى نېمەت ئول.

يۇقىرىقى پىكىر بەخت بىلەن مېھنەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان 11 - ئەسىردە مانا شۇ مېھنەت

بەت 282

بىلەن نېمەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا قارىمۇقارشى ئەدەبىي ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىقىپ، بەزى ئېقىملار ماددىي نېمەت ئۈچۈن قىلىنغان مېھنەتنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت تائەت ئۈچۈن قىلىنغان مېھنەتنى ئېتىراپ قىلىشتى. ماددىي نېمەت ئۈچۈن قىلىنىدىغان مېھنەتنى ئاچ كۆزلۈك، ئۆلۈمنى ئۇنتۇغانلىق، تائەتنى تاشلىغانلىق دەپ ئەيىبلەشتى: «مال - دۇنيا دىننىڭ دۈشمىنى، ئۇ دىنىڭنى يۇتۇۋېلىشلا كويىدا بولىدۇ. ئۇ چىرايلىق بېزەلگەن كېلىنگە ئوخشاش يۈرىكىڭنى ئوينىتىۋېتىدۇ، كۆڭلۈڭنى بەرگەندىن كېيىنلا كۆرۈمسىز قېرىغا ئايلىنىپ، كۈندە ياقا بىلەن يېڭىڭگە ئېسىلىپ، ئىتەككۈچ ئۇچۇپ ئاراڭدا قويمايدۇ. ئۇ تۇراقسىزلىقى، ۋاپاسىزلىقى بىلەن ئېرىنىڭ قولىدا ئۈچ ئايمۇ تۇرمىغان خوتۇنغا ئوخشايدۇ. شۇڭا كىم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن قىممەتلىك ھاياتىنى بىھۇدە سەرپ قىلىدۇ» (3543~3539). «بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى مۇشۇ ئۈچ نەرسىگە باغلانغان. بىرى، يېمەك - ئىچمەك لەززىتى، يەنە بىرى، ھەقىقىي سۆيگەن خوتۇن لەززىتى، ئۈچىنچى، سالامەتلىك لەززىتى. بۇنىڭ ئىچىدە سالامەتلىك لەززىتى ھەممىدىن مۇھىم. دۇنيانىڭ باشقا شادلىقلىرى ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بىراق بۇ ئۈچ تۈرلۈك لەززەتنىڭ جاپاسىمۇ باراۋەر تۇرىدۇ. يېمەك - ئىچمەكنىڭ لەززىتى قۇسقان چاغدىكى جاپاسىغا ئەرزىمەيدۇ. تاماقنىڭ لەززىتى پەقەت ئۆڭەچتە قالدىلا بىلىنىدۇ. تۇمۇققا چۈشسە قارنىڭنى تولدۇرىدۇ خالاس. ئەگەر تاماق سىغمىسا مىجەزىڭنى بۇزىدۇ. مىجەزىڭنىڭ بۇزۇلۇشى كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ، كېسەل دېگەن ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگۈچىدۇر. ھەي سالامەت ئوغۇل، ئۆلۈمدىن لەززەت كۆرمەيسەن. خوتۇن سۆھبىتى توغرىسىدا گەپ قىلساق، ئۇ ھەقىقەتەن لەززەتلىك، ئۇنىڭ مېھنىتى سوغۇق سۇغا چۈشمەك. بولۇپمۇ ئوغۇل - قىزىڭنىڭ يۈكىنى يۈدۈمەك بەك ئېغىر مۇشەققەتتۇر. خوتۇن ۋە لەززەتلەر ئەرنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى خورىتىدۇ. خوتۇن سۆھبىتى ئەرنىڭ ئوتىنى سائەتمۇسائەت ئۆچۈرۈش

274

بەت 283

ئۈچۈندۇر. كۆردۇقكى، نەدە تاتلىق بولسا ئاچچىقمۇ ھەمراھ، چۈنكى بار يەردە ئاچچىقمۇ تەييار. ئەگەر ئۇلارنى ھاياتلىقنىڭ ھۇزۇرى دەپ قارايدىغان بولساق، بۇ دۇنيانى مۇشەققەت يولى دېمەك لازىمدۇر» (3586~3573).

دۇنيادا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن ئىدىيىلەرنىڭ، نەزەرىيىلەرنىڭ ھەتتا سەۋەبلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تاتلىقى بار. ئۇلار بىر قىسىم ماھىيەتلىك بولمىغان، كۆرۈنۈشتىكى ھادىسىلىك تەرەپلەرگە كۆپرەك ئېسىلىۋېلىپ ماھىيەتنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا، ئادەم ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى ئۈچۈن مېھنەت قىلىپ نېمە قىلىدۇ، دېگەندەك تەسىراتقا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەسلى ماھىيەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق قانۇنىيەتكە قارىمۇقارشى مۇقام توۋلىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى تىرىكلىك بولمىسا ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ، ھېچقانداق نەرسە ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، بەختمۇ بولمايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇڭا مېھنەتنى بەخت دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ كۆزقاراشنى ھاياتلىق قانۇنىيىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ چۈشەندۈرىدۇ: «دۇنيادىكى ھەممە ئادەم مەنپەئەت قوغلىشىپ ياشايدۇ، ئەگەر مەنپەئەتنى دېمىسە ئۆچۈمۇ ئوڭغا چىقماي ئۆيسىدە ئۆلسە بولىدۇ.» شۇڭا ئالىم ھايات قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ بولغان تەنتەربىيەتلەرنىڭ قاپقىنىغا ئەۋلادلارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ، مېھنەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ تەغىباتلىرىنى ناھايىتى كونكرېت، تەپسىلىي بېرىدۇ. ئارقىدىن ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىلمىي دەلىللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئەۋلادلارنى ھاياتلىق توغرا، ئوڭ ئېقىمىغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇنداق سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ھوشيار بولۇشى، بالىلارنىڭ خاتا نەزەرىيە، خاتا تەغىباتلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بالىلار ھاياتنىڭ بەختى، تۇرمۇش[Footer] 275

بەت 284

نىك ھۇزۇرىنى مېھنەتتىن تېپىشقا ئادەتلەنسۇن، مانا بۇ ئۇلارغا ھەقىقىي مەنىدىكى بەخت ھۇزۇرىنى ئاتا قىلالايدۇ.

4. پەرزەنتلەر بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلسۇن

بەخت ئۇقۇمى ناھايىتى نازۇك ئۇقۇم. بەخت دېگەن كونكرېت بىر شەيئى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئابستراكت تۇيغۇ. بەخت ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىدىكى سۆيۈنۈش، مەمنۇنلۇق، قانائەت تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى، بەختسىزلىك بولسا روھىي دۇنيادىكى قايغۇ - ئەلەم، ئېچىنىش، قانائەتسىزلىك، بىئاراملىق تۇيغۇسىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈشى، ئادەم دېگەن مانا شۇنداق قارىمۇقارشى تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتلارنىڭ كۈرىشى ئىچىدە ياشايدۇ. ئادەمنىڭ قايسى تۇيغۇسى ۋە ھېسسىياتى كۈچلۈك كەلسە، ئادەم شۇنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. بەختسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئادەم نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى كۈچلۈك خاراكتېردىن قوپۇرۇلغان ئىرا دە، ئۈمىد كۈچى ئادەمگە ئەلەم ياشلىرىنى ئېرتىۋېتىپ، بەختسىزلىك داغلىرىنى يۇيۇۋېتىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، روھىدىن بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئورۇن ئېلىشىغا جاي ھازىرلىيالايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بەختسىزلىكمۇ خاراكتېرسىز، ئەقىلسىز ئىنسانلارنى كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرۇيدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەخت توغرىسىدا كونكرېت تەبىر بەرمەيدۇ، لېكىن ئۇنى كونكرېت بىر شەيئىدەك كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. مەن بەخت توغرىسىدىكى تۇنجى چۈشەنچىگە «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ ھەقتە ماڭا داداممۇ، ئۇستازلىرىممۇ كونكرېتراق بىرەر نەرسە دەپ بېرەلمىكىنى بىلمەيمەن. «قۇتادغۇ بىلىك»تە بەختنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەختنىڭ تىلىدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

بەت 285

بەخت دەيدۇ: «مېنىڭدىن پۈتۈن ئادەملەرگە نەپ تېگىدۇ. خۇيۇم مۇلايىم، يېشىممۇ كىچىك، بۈيۈكلەر ئۈچۈن كىچىكمەن. يۈزۈم كۆركەم، قولۇم تىلەنگەن تىلەكلەرگە يېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانى ماڭا ئېرىشىش، شۇڭا كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل مەشغۇلاتى مېنى قوغلاش، ماڭا ئەگىشىشتىن ئىبارەت، مەن بار يەردە ھۇزۇر ۋە سۆيۈنۈش بولىدۇ. مەن بار يەردىن مېھنەت قاچىدۇ، قايغۇ-ئەلەم يولدىن ئازىدۇ. كىم ماڭا بويۇن سۇنسا ئۆمۈردىنى تاپىدۇ، ئەگەر ئادىيىدەكەن ۋەيران بولىدۇ. مېنى باسمەن دېگەنلەر ئۆزى بېسىلىدۇ، شۇڭا باشقىلار بەخت توغرىسىدا: بەخت قەيەردە بولسا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ بويۇن ئەگكىن، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن قېرىشساڭ قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا بولىسەن، بەختكە يار بولساڭ كۆڭلۈڭ سائادەت ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئارزۇيۇڭ قانىدۇ دېگەن.» (682~673)

مانا بۇ ئومۇمىي قانۇنىيەت. ئادەم بالىسىنىڭ ھەممىسى بەخت ئۈچۈن ياشايدۇ، بەختنى قوغلىشىدۇ. بىراق بەزىلەر بەخت ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭغا يېتەلەيدۇ، بەزىلەر بەختكە ئېرىشىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەدرىگە يېتەلمەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋاتقان بەخت بىلەن قېرىشىش دېگەن سۆز بەختنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قارشى ئىش كۆرۈش دېگەنلىك بولىدۇ، بەخت بىلەن يارىشىش دېگەنلىك بەختتىن بەھرىمەن بولۇشنى بىلىش، بەخت كەلگەندە غەپلەت بىلەن قولدىن چىقىرىپ قويماسلىققا ئېيتىلىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەخت كېلىدۇ، تۇتۇشنى بىلسەڭ تۇرىدۇ، تۇتۇشنى بىلمىسەڭ كېتىدۇ، ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدۇ، دېگەن. ئۇ بەختنى قولدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ شەرتلىرى، قولدىن چىقىرىپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ناھايىتى قىممەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ: «بەختنىڭ خۇيى خۇددى كېيىككە ئوخشايدۇ، ئىزدەگەن تېز تاپالمايدۇ، قاچسا تۇتالمايدۇ، ئەگەر بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەر ئۇنى چىڭ كىشەنلەپ تۇتالمىسا ھەرگىزمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. بەخت ئېيتىشقا كىشەن بولالايدىغان مۇنداق بىر قانچە ئىش بار، ئالدى بىلەن بەختكە ئېرىشكۈچى[Footer] 277

بەت 286

ننىڭ مىجەزى - خۇلۇقى مۇلايىم، ئۆزى كەمتەر، يۇمشاق سۆزلۈك بولۇشى لازىم. ئۆزىنى ئوبدان كۆزىتىپ يۈرەلىسە، ھەددىدىن ئاشمىسا، يامان ئىشلارغا يېقىن بارمىسا بولىدۇ. يەنە پېئىلىنى بۇزماسلىقى، مال - دۇنياسىنى ئورۇنسىز بۇزۇپ چاچماسلىقى، ئۆزىدىن ئۇلۇغنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى، ئۆزىدىن كىچىككە چۈچۈك سۆز قىلىشى كېرەك. كىبىر بىلەن باشقىلارنى رەنجىتمەسلىكى، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى مازاق ۋە بوزەك قىلماسلىقى، ھاراق - شارابقا ھەرگىز بېشىنى تىقماسلىقى، ھەددىدىن ئارتۇق ئويۇن - تاماشىغا بېرىلمەسلىكى لازىمدۇر. مانا شۇنداق قىلالمىغاندا، ئاندىن تۇراقسىز بەختكە كىشەن سالالايدۇ.» (698710) بۇ ھەقتە ئاقىللارنىڭ گۆھەردەك گەپلىرىمۇ بار: «بەخت كېلىدۇ، تۇتۇشنى بىلمىسەڭ كېتىدۇ، رىزىق بېرىدۇ، يېيىشنى بىلمىسەڭ يەنە تارتىۋالىدۇ. شۇڭا بالام، بەختكە ئېرىشىمەن دېسەڭ، ئۆزۈڭگە ئېھتىياتچان بول، پۈتۈن ئەسكى ئىشلاردىن يىراق بول، دۇرۇس، پاكىز بولۇشۇڭ لازىمدۇر. بەختنىڭ بېغى دېگەن مانا شۇ.» (723727)

كىشىلەر ئارىسىدا «بەخت ئۇنىڭغا ئوق باققان ئىدى، بىلمەي قالدى» دېگەندەك گەپلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇ دەل يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاگاھلاندۇرغان بەختنى تۇتۇش يوللىرىنى بىلمەي، ئۆزىنى چاغلىماي ئىش تۇتۇپ قويغانلىقتىن ئۇچرىغان مەھرۇملۇقلارنىڭ خۇلاسىلىنىشى. بۇ گەرچە نۇرغۇن ئادەم بىلسىمۇ، ئۆزى دۇچ كەلگەندە تازا ئەمەل قىلىپ كېتەلمەيدىغان ناھايىتى نازۇك ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا بەختكە بولغان تۇيغۇسىنى، بەختكە ئېرىشىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، بەخت بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئۇنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشنىمۇ ئۆگىتىشى كېرەك. بۇنىڭدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەختنىڭ تۇتقۇچى — بېغى توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرى ئۆلگە قىلىش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

بەت 287

ئونىنچى باب: ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇن تەربىيىسى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇن تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە مەخسۇس سەھىپىلەرنى ئاجرىتىپ، بىر قىسىم مۇھىم قائىدە - يوسۇنلاردىن تەربىيە بەرگەن. ناھايىتى روشەنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇن تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر بالا شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، قائىدە - يوسۇنى ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ، شۇ يوسۇنلار ئىچىدە چوڭ بولۇپ، ئاخىرى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇ مىللەتنىڭ يوسۇنلىرى بويىچە دەپنە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىلىدۇ. بۇنداق قائىدە - يوسۇنلار بىرەر دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن ئەسىرلىك ھاياتلىق مۇساپىسىدە شەكىللىنىپ ۋە تاكامۇللىشىپ، شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بەلگىگە، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەينەككە ئايلانغان. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇننى «تۆرۈ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىشكەن. «تۆرۈ» دېگەن ئۇقۇم يەنى قائىدە - يوسۇن مەنىسىدىمۇ قوللىنىلغان. كېيىن بۇ قانۇن ئۇقۇمىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلىنىدىغان سۆزى بولغان. بىز شۇنى ھېس قىلىمىزكى، قائىدە - قانۇن ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇن ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، بارا - بارا مۇقىم، تۈزۈملەشكەن، قېلىپلاشتۇرۇلغان.

بەت 288

دۆلەت باشقۇرۇش قانۇنى بارلىققا كەلگەن. تۆرۈننىڭ يەنە بىر ئېتىمولوگىيە مەنىسىدىن قارىغاندا، ئۇ يۇقىرى ئورۇن، تۆر، يۇقىرى، ئالىي دېگەن مەنىدىكى «تۆر» دىن كېلىپ چىققان. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تۆرۈنى مىللەت ئەمەل قىلىدىغان، بويسۇنىدىغان ئالىي تۇرمۇش ئۆلچىمى مەنىسىدە قوللانغان. شۇڭا قائىدە - يوسۇن بىلمىگەن ئادەمنى ھايۋان دەپ ئاتاشقان، قائىدە - يوسۇنلۇق ئادەمنى پەزىلەتلىك، ئەقىللىق ئادەم قاتارىدا ھۆرمەتلىگەن. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ قائىدە - يوسۇن تەربىيىسى ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ مۇھىم تەلەپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەربىر ئادەم ئەھمىيەت بەرگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» گەرچە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېزىلغان قانۇن پروگراممىسى بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدا بىر قىسىم قائىدە - يوسۇنلار توغرىسىدا كونكرېت تەربىيە مەزمۇنلىرىنى بېرىپ، ئەۋلادلارنىڭ رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

1. سالاملىشىش قائىدىسى توغرىسىدىكى ساۋاتلار

ئۇيغۇرلار سالام - سائەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، سالامنى ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلىدىغان مىللەت. بىز ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق سالاملىشىش ئادەتلىرى بارلىقى توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمىز. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئىسلامىي ئادەت بويىچە سالاملىشىشقا ئادەتلەنگەن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، دۇنيادا خېلى كۆپ سالاملىشىش ئادىتى بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلامىي سالاملىشىش ناھايىتى ئىلغار ئورۇندا تۇرىدىغان سالاملىشىش ئادەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا، چۆللەرنىڭ كىچىكلەرگە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بېرىدىغان سالام - سۆھبىتى روشەن پەرقلەندۈرۈلگەن. ئەڭ مۇھىمى

280

بەت 289

تونۇغان، تونۇمىغان ئادەملەرگە سالام قىلىش ئىسلامىي سالامنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. ئىسلامدىكى قايسى ئىش ئەڭ ياخشى دەپ سورىغۇچىغا، رەسۇلۇللاھ: «باشقىلارغا تائام بەر، تونۇغان ۋە تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام قىل» دېگەن①.

ئىسلامىي سالامدا قوللىنىلىدىغان ئىبارە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن تىلەك سۆزى بىلەن بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئىبارە بىلەن سالاملىشىدۇ. بۇ ئىبارە بىلەن سالاملاشقاندا ئۇ ئادەم قايسى مىللەت، قايسى دۆلەت ۋە قايسى ئېرىقتىن بولسۇن، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئۇقۇلىدۇ. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: مەن سىلەرنى ئۆزئارا دوست قىلىدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ دېگەندە، ساھابىلەر، ماقۇل! ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دېيىشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سالامنى ئاشكارا قىلىڭلار دېگەن»②.

ئىسلام دىنىدا سالام ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن مۇبارەك ئىبارىدۇر، دەپ بىلىنىدۇ. بۇ خۇسۇستا مۇنداق بىر رىۋايەتكە ئاساسلىنىدۇ. «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتمىش گەز ياراتقان ۋە بارغىن، توپ بولۇپ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرگە سالام قىلغىن، ئۇلار ساڭا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ، قۇلاق سالغىن. ئۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادىڭنىڭ سالام - سەھىتى بولۇپ قالىدۇ دېگەن. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دېگەن. پەرىشتىلەر ئەسسالامۇئەلەيكە (كۆپلۈكى ئەلەيكۇم) ۋە رەھمەتۇللاھ! دەپ ۋە رەھمەتۇللاھنى زىيادە قىلغان.»③

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە سالاملىشىش توغرىسىدا مەخسۇس تەلىم بېرىش نۇقتىسىدىن چىقىپ پىكىر بايان قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا سالاملىشىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.

① بۇخارى «ئەدەبۇل مۇفرەد» دىن ئېلىندى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 - يىل نەشرى. ② بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ③ بۇخارى «ئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 - يىل نەشرى.

281

بەت 290

لىنىپ كەتكەن ئىش بولغاچقا، ئۇنىڭ قائىدىسى ۋە مەنىسىنى كىچىكتىن چوڭغىچە ھەممە ئادەم چۈشىنىتتى. بىراق، ئەسەردىكى قىسمەن مەلۇماتلاردىن ئۆز دەۋرىدە سالامغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. تەرەكدۇنيا زاھىت ئودغۇرمىش كۈنتۇغدى ئېلىگ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تاغدىن چۈشۈپ، ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ قانداق كۆرۈشكەنلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: ئودغۇرمىش تاغدىن شەپىسىز ئۆگدۈلمىشنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۆگدۈلمىش ئۇنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار قول ئېلىشىپ سالاملاشتى ۋە بۇ ئىككى پاك ئىنسان ئۆيگە كىرىشتى» (5031 - 5032) قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ھازىر دۇنيادى خاراكتېرلىك كۆرۈشۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل كۆرۈشۈش ئىسلامدا سۈننەت ھېسابلىنىدىغان ئەدەپ - قائىدە دائىرىسىگە كىرىدۇ: «لە رائىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بۇرادەرلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشۈك، سالامىڭلار تولۇق بولۇشىدۇر.» بۇ قائىدە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ، تەكەببۇرلۇققا چەك قويۇپ، كەمتەرلىككە ئادەتلەندۈرىدۇ. باشلىق بولسۇن، قول بولسۇن ھەممە ئادەمگە ئوخشاش قول بېرىپ كۆرۈشۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ ئىسلامدا باشلىقلارنىڭ، چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيۈش قائىدىسى يوق. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملا قولغا سۆيۈلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولغا سۆيۈشتىن، قولچىلىق بىلەن پۇتقا سۆيۈشتىن چەكلىگەن. ئەگەر يېقىنلىق ئىپادە قىلماقچى بولسا، ئۇرۇق - تۇغقانلار بولسا، ئۇزۇن كۆرۈشمىگەن بۇرادەرلىرى بولسا ئۇچراشقاندا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئودغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋاقىتتىكى كۆرۈشۈش ھالىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى ئولتۇرۇشلۇق ماكانغا يېقىنلاپ قالغاندا، ئېتىدىن چۈشۈپ پىيادە ماڭدى. ئۆڭكۈرگە كېلىپ ئىشىكنى ئاستا

282

بەت 291

چەكتى. ئودغۇرمىش ئېتىنى توختىتىپ، ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ چىقىپ قاياشنى كۆرۈپ، قۇچاقلىشىپ يۈز- كۆزلىرىگە سۆيۈشۈپ ئېسەنلەشتى.» (3289 - 3291)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، كۈنتۇغدى بىلەن ئودغۇرمىش كۆرۈشكەن چاغدىكى ئەھۋال بىلەن سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ: ئودغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىش ئىككىيلەن ئېلىك قېشىغا كەلدى، ئېلىك ئۇلارنى كۆرۈپ قارشى ئالدى. ئېلىك ئۇلارنى كۆرۈپ ئاۋۋال سالام قىلدى، زاھىت ئېلىكنىڭ سالىمىنى ئېلىك ئالدى. ئۇلار ئۆزارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، سۆيۈنۈپ ھال- ئەھۋال سوراشتى. ئېلىك ئودغۇرمىشقا ئۆز-خاھىشلىق ئېيتتى» (5035 - 5039). ئەسلىدە ئىسلامىي يوسۇندا كىم ئاۋۋال سالام قىلسا، شۇ كۆپرەك ساۋابقا ئىگە بولىدۇ دېيىلگەن. ھەم كىچىكلەر چوڭلارغا ئاۋۋال سالام قىلىش بۇيرۇلغان. بىراق، زاھىت ئودغۇرمىش بىلەن كۈنتۇغدى ئېلىك ئۇچراشقاندا تۇنجى بولۇپ كۈنتۇغدى ئېلىك سالام قىلدى. شۇڭا ئۇ ئودغۇرمىشتىن بۇ قائىدىنى نېمە ئۈچۈن بۇزغانلىقى توغرىسىدا سورايدۇ.

«سۆزلىشىشتىن بۇرۇن ساڭا ئېيتىدىغان بىر سۆزۈم بار، ماڭا جاۋاب بەرگىن، سەن بۇ يەرگە ئۆزۈڭنىڭ كۆڭۈل خاھىشىڭ بىلەن كەلگەنلىكىڭنى ئېيتتىڭ، ئەي باتۇر، قانداق ئىش بولۇپ كەتتى؟ سەن سالامنىڭ پەزىلىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن، كىم ئاۋۋال سالام بەرسە، شۇ پەزىل يولىنى ئاچىدۇ. بىراق مېنى كۆرگەندە سالام قىلمىدىڭ، نېمىشقا سالامنىڭ پەزىلى ساۋابىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؟» ئودغۇرمىشنىڭ جاۋابى: «ئالىيلىرى، مەن بىلىپ تۇرۇپ ئاۋۋال سالام قىلمىدىم. توغرا، سالام كىشى ئۈچۈن سالامەتلىك يولى، سالام قىلىشقاندا سالامەتلىكنىڭ يولىنى سالغىلى بولىدۇ. سالام ھەم ئەمىنلىك، سالامدىن جان ئەمىن تاپىدۇ، چۈنكى سالام قىلغۇچى باشقىلارغا ئامانلىق تىلەيدۇ، سالامنى ئېلىك ئالغۇچى سالامەت بولىدۇ. سالام كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن

283

بەت 292

ساقلايدۇ. بۇنىڭمۇ يەنە قائىدىسى بار. ئۇلۇغلار ئالدى بىلەن كىچىكلەرگە سالام قىلسا ئىش يوللۇق بولمىغان بولىدۇ. كىچىكلەر ئۇلۇغلارنىڭ سۆزىنى تۇتسا بالا - قازادىن خالى بولۇپ، ئامان - ئېسەن ياشىيالايدۇ. ئورنى تۆۋەنلەر ئۇلۇغلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئېسەن بولالغاندا، ئۇلارنىڭ خەيرىخاھلىقىدا ئامانلىق تاپىدۇ. مەن دېگەن سەندىن تۆۋەن تۇرسام، قانداقمۇ مەندىن ساڭا زىيان يەتسۇن؟! ئىلكىڭنىڭ قولى ھەممىدىن ئۇزۇن، تەرىنى تۈرۈپ قولۇنى ئەلگە سۇنسا خالىغىنىنى قىلالايدۇ. شۇڭا، پۇقرالار بەگكە ئاۋۋال سالام قىلمايدۇ. ئەي بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئىلك، مېنىڭ ساڭا ئالدى بىلەن سالام قىلمىغانلىقىمنىڭ مەنىسى شۇ» (5054~5065).

يۇقىرىقى بايانلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ سالامنىڭ قائىدىسى، پەزىلىتى ۋە خاسىيىتى توغرىسىدىكى توپ قائىدىلەرنى مەرھەمەتلىك ۋە ئىخچام ئەسكەرتىپ ئۆتۈيدۇ. ئىسلامى سالامنىڭ ئېسەنلىك ۋە سالامەتلىك تىلەش مەنىسى بار. ئىنسانغا ئېسەنلىك ۋە سالامەتلىكتىن ئارتۇق بەخت بولمايدۇ. ئېسەنلىك ۋە سالامەتلىك بولغاندىلا، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەنىلىك بولىدۇ. سالامەتلىك، ئېسەنلىك بولمىسا، بۇ دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتىمۇ، مال - دۇنياسىمۇ ئادەمنى بەختلىك قىلالمايدۇ. بۇ يەردە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» نىڭ مۇبارەك مەنىسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، بەزى كىشىلەر بۇ سالامنى بىلىسمۇ، مەنىسىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا «مەسچىتكە كىرىپ قالغاندەك بولۇۋاتىمەن يا» دەپ بۇ سالامنى مەسخىرە قىلىدىغان ياشلارمۇ بار. يەنە بەزىلەر بۇ سالامنى توغرا تەلەپپۇز قىلمايدۇ. بەزىلەر ھەتتا بۇ سالامنى پۈتۈنلەي ئېغىزىدىن چىقارماي، ھېچقانداق كونكرېت مەنىنى ئۇقتۇرمايدىغان «ياخشىمۇسىز» دېگەن سالامغا ئادەتلىنىپ كېتىشتى. ئەسلىدە «ياخشىمۇسىز» دېگەن سۆز خەنزۇ تىلىدىن ئۆلۈك ھالدىلا تەرجىمە قىلىنىپ كىرگەن سۆز بولۇپ، ئۇ خەنزۇ تىلىدا كونكرېت مەنا ئۇقتۇرغان بىلەن، ئۇيغۇر

بەت 293

تىلىدا كونكرېت مەنا ئۇقتۇرمايدۇ. خەنزۇ تىلىدا «نى خاۋ» دېگەن سۆز، كۆپ مەزمۇننى ئۇقتۇرىدۇ. يەنى، سالامەتلىكىڭ ياخشىمۇ، تۇرمۇشۇڭ ياخشىمۇ، دېگەنگە ئوخشاش. بىراق ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنداق مەنانى بەرمەيدۇ، پەقەت ناھايىتى مەۋھۇم، ئابستراكت مەنىدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا بىر مىللەتنىڭ ئادىتىگە خاس سۆزنى ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىش خاتا بولىدۇ. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىغا خاس ئىبارە بولۇپ، ئۇنىڭ مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك مۇبارەك مەنىسى بار. بۇ ئىبارە ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى «سالام» ئىبارىسى ئاللانىڭ زېمىندىكى ئىسمى سۈپىتىدۇر. ھەدىستە: «ئەسسالام، ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئاللا زېمىنغا قويغان» دېيىلگەن. سالام دېمەك «خاتىرجەملىك، تىنچلىق ئاتا قىلغۇچى زات» دېمەكتۇر. ئەرەبچە سۆز مەنىسى بويىچە ئېلىنغاندا ئەرەبچىدىكى «سەلما» كەلگۈسى زامان شەكىلى «ياسلامۇ» پېئىلىدىن ئېلىنغان بولۇپ، «سالامەتلىك، تىنچلىق، نىجات تېپىش» قاتارلىق بىر قانچە مەنىلەرنى ئۇقتۇرىدۇ. «ئەسسالام» سۆزى يەنە «مۇتلەق كامالەتلىك، كەم-كۈتسىز، نۇقسانسىز» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ. ئۇ يەنە: «جەننەت» مەنىسىنى ئۇقتۇرىدۇ، «دەرەجەئى سالام» نىجاتلىق دەرگاھى، يەنى جەننەت دېمەكتۇر. «مەدەنىيەت سالام» شەكىلدە كەلگەندە تىنچلىق شەھىرى دېگەنلىك بولىدۇ.

«ئەلەيكۇم» سۆزى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، «ئەلەي» ئۇيغۇر تىلىدىكى «گە، كە» قوشۇمچىسىغا ئوخشاش رولدا كېلىدۇ. «كۇم» بولسا ئىككىنچى شەخس «سىز، سەن، سىلەر» نى بىلدۈرىدۇ. دېمەك «ئەلەيكۇم» سىزگە، ساڭا، سىلەرگە دېمەكتۇر. شۇنداق قىلىپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» سىزگە، ساڭا، سىلەرگە سالامەتلىك بولسۇن. تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق بولسۇن، دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ.

سالامغا جاۋاب قايتۇرغاندا «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام»، يەنى

285

بەت 294

ساغلام، سىزگىمۇ، سىلەرگىمۇ سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق بولسۇن، دەپ يۇقىرىقى تىلەكنى ئورتاقلاشقانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بايان قىلىۋاتقان سالام بەرگۈچى تىنچلىق، سالامەتلىك تىلىدى، ئىلىك ئالغۇچى سالامەت بولدى، تىنچلىق كاپالىتىگە ئىگە بولدى، دېگەن سۆزلەرنىڭ قارىتىلمىسى ناھايىتى چوڭ، يەنى ئاۋۋال سالام قىلغۇچى قارشى تەرەپكە سالامەتلىك، تىنچلىق، خاتىرجەملىك تىلىدى. شۇنداق تۇرۇپ يەنە خاتىرجەملىكنى، تىنچلىقنى بۇزۇش، مۇبارەك سالامغا خىلاپلىق قىلىش گۇناھ بولىدۇ.

ئەمدى چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە، پادىشاھلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ئاۋۋال پۇقرالارغا سالام قىلىشىغا كەلسەك، بۇ ئىسلامىي سالامنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. بۇ خىل قائىدە رەسۇلۇللاھتىن تارتىپ ئومۇملاشقان ۋە قائىدىگە ئايلانغان. چۈنكى ئەمىرلەر پۇقرالارغا سالام قىلىپ ئەمىنلىك، خاتىرجەملىك تىلەيدۇ. پۇقرالار ئەمىن، خاتىرجەم بولسا پادىشاھلار ئاندىن ئەمىن، خاتىرجەم بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، پادىشاھ ھەرقانچە يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلقنىڭ خىزمەتكارى، خەلق يەنىلا پادىشاھتىن ئۇلۇغ بولىدۇ.

ئىسلامىي سالامدا مۇنداق بىر قاتار سالاملىشىش قائىدىسى بار: بىرى، كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۇلاغلىقلار پىيادىلەرگە، ماڭغانلار ئولتۇرغانلارغا سالام قىلىدۇ، ئازچىلىق كۆپچىلىككە سالام قىلىدۇ. ئىسلامنىڭ سالام قىلىش قائىدىسىدە بالىلار چوڭلارغا سالام قىلىدۇ، پىيادىلەر ئولتۇرغانلارغا سالام قىلىدۇ، ئازچىلىق كۆپچىلىككە سالام قىلىدۇ. يەنە بىرى، سورۇنغا كىرگەن ئادەم سالام بىلەن كىرىدۇ، قايتقاندا ھەم سالام بىلەن قايتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى بىر سورۇنغا كىرسە سالام قىلسۇن، قايتماقچى بولسىمۇ سالام قىلسۇن، بىراق

بەت 295

كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىن ھەقلىقراق ئەمەس». ① سۇرۇنغا كەلگەندە سالام بىلەن كىرىش سۈننەت ۋە ئەدەپ. سورۇندىن قايتقاندىمۇ «خوش، ئاللاھقا ئامانەت، سالامەت بولۇڭلار» دېگەندەك ھۆرمەت سۆزلىرى بىلەن قايتىش سورۇنداشلارغا بولغان ھۆرمەت ھەم ئۆزىڭە بولغان ھۆرمەتنى ئاشۇرۇشنىڭ يولى. سورۇندىن گەپ - سۆزسىزلا قايتىشمۇ ئەدەپكە توغرا كەلمەيدۇ. بىراق بۇ سورۇنغا كىرگەن چاغدىكىدەك ئۇنداق مۇھىم ئەمەس. ئەگەر ئۆزىڭىڭ ئەززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەدەپتىن ئۆتسە ئۇنى قوبۇل قىلغۇلۇق ۋە ياخشى قىلغان بولسا، باشقىلارمۇ ئۇنى ئەيىبلىمىسۇن. سورۇن تارقىغاندا چوقۇم ئۆزئارا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ قايتىش كېرەك. بۇ ھەقتە: «ئاللانى زىكرى قىلماي تارقالغان سورۇن خۇددى ئۆلۈك ئېشەكنىڭ پۇرىقى تارقالغاندەك سورۇندۇر» ② دېگەن ھەدىس بار.

ئەمدى قائىدە بويىچە، بىر قىسىم ئادەملەرگە سالام قىلىنمايدۇ، يەنى ھاراقكەشكە، پاسىق ئادەمگە سالام قىلىش دۇرۇس ئەمەس. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېگەن: «ھاراقكەشكە سالام قىلماڭلار». ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: «سەن بىلەن پاسىق ئارىلىقىدا ھۆرمەت يوق». بۇنىڭدىن باشقا ھەددىدىن ئارتۇق ياسانچۇق، تەكەببۇر، قوللىرىغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىۋالغان، بويۇنلىرىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان كىشىلەرگىمۇ سالام قىلماسلىققا بۇيرۇلغان.

سالاملىشىشنىڭ قائىدىلىرى ناھايىتى كۆپ، پەقەت زۆرۈرىيەتتىن مۇھىمراق تەرەپلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىگە ۋە ئەخلاقىغا ئايلانغان سالاملىشىش قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىتىشى، ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپ ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك.

① ② بۇخارى رىۋايەت قىلغان. «ئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 - يىلى نەشر قىلغان.

287

بەت 296
  1. ئاممىۋى سورۇندىكى ئەدەپ - قائىدە ساۋاتلىرى ئۇيغۇر خەلقى مېھماندوست خەلق، زامان - زامانلاردىن بېرى مېھماندوستلۇقى بىلەن داڭ چىقىرىپ كەلگەن. شۇڭا قانۇن دەستۇرلىرىدا كارۋان، مۇساپىرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق توغرىسىدا مەخسۇس ماددىلار بەلگىلەنگەن. مېھماندوستلۇق بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىنى نامايان قىلىدىغان بىر ئەمەلىي مەشغۇلۇق. ئادەمنىڭ ھەم پەزىلىتى، سېخىيلىقى، خەسىسلىكى ئۇنىڭ مېھمانلارغا تۇتقان مۇئامىلە - مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىقنىڭ ھەممىسى ئۆزۈپ - ئادەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. مەلۇم بىر قائىدىگە، ئادەتكە توغرا كەلمىسە بىكاردىن - بىكارغا مېھمان چاقىرمايدۇ، ھەم مېھمانغا بارمايدۇ. شۇڭا مېھماندارچىلىق سورۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزۈپ - ئادىتى، قائىدە - يوسۇنلىرى ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىغان، ئادەملەرنىڭ ئەخلاقى - پەزىلىتى سىنىلىدىغان ئىمتىھان رايونى. ئاتا - ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەدەپنى قانداق ساقلاش، يېمەك - ئىچمەكنى قانداق يېيىش، كىشىلەر بىلەن قانداق سالاملىشىش، نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىق، قانداق ئولتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. بالىلارنىڭ پەزىلىتى ئارقىلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ پەزىلىتىگە باھا بېرىلىپ بولىدۇ.

بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» ۋە باشقا كلاسسىك ئەسەرلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىسىدە كىشىلىك مۇناسىۋەت مىزانلىرىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا: «ئۇما كەلسە قۇت كېلۇر»① («مېھمان كەلسە قۇت كېلۇر») دېگەن بىر


① «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 - يىل نەشرى، ئۇيغۇرچە، 1 - توم 144 - بەت

بەت 297

ماقالنى كۆرىمىز. بۇ ئىسلامىيەتتىن خېلى بۇرۇنقى ماقال بولۇپ، ئۇيغۇرلار مېھمان بەخت - ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ چۈشەنگەن. مېھمانغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك، مېھماندوست ئادەملەرنىڭ نامى ئەل ئارىسىدا يادلىناتتى ۋە قوشاقلار قېتىپ ئۇنىڭغا شەنىگە مەدھىيە ئوقۇيتتى. مېھماندوست ئادەملەر ئاچ - يالىڭاچلارنىڭ غەمگۈزارى ئىدى، ئۇلارغا ئاش - تاماق بېرىپ تۇراتتى، مەھمۇد قەشقەرى مېھماندوست بىر ئادەمگە بېغىشلانغان مەدھىيە قوشاقلىرىدىن بىر پارچىنى مىسال ئېلىپ ئۆتكەن. مەزمۇنى مۇنداق: «ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدىغان، داستىخان سېلىپ ئاش بېرىدىغان ئادەم ئىدى، راسا سوغۇق قىشلاردا كىشىلەرنى ئومۇندۇرۇپ قويدى»① يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ شۇڭا: «مېھمانلارنى ياخشى مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالغىن، چاۋۇگنى (داڭقىڭنى) ئەلگە يايسۇن» دېگەن.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى يەنە بىر قىسىم يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدا مېھماندارچىلىق يوسۇنلىرى توغرىسىدىكى بىر قىسىم شېئىرلاردىن نەمۇنە بەرگەن: «بىر كىم ساڭا ھاجىتى چۈشۈپ كەلسە، ئۇنىڭغا ئوزۇق بەر، مېھمان قىلىشنى ئېغىر كۆرسەڭ ئۇلار قارغايدۇ» (1-توم، 362-بەت). «ساڭا يوقسۇل بىر مېھمان ھاجىتى چۈشۈپ كەلسە، تەييار بولغان ئاشنى ئالدىغا كەلتۈر، ئۇنى كۈتتۈرمە» (1-توم، 124-بەت). مانا مۇشۇ شېئىردا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن بىر ئىبرەتلىك ھېكايە بار. ئۇنى بۇ يەردە دەلىل كەلتۈرۈش بەلكىم ئوشۇقچىلىق قىلماس:

«نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، پادىشاھ بەھرام گور بىر كۈنى ئوۋغا چىقتى. ئۇ بىر قۇلۇننى قوغلايمەن دەپ ئۆز لەشكەرلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئۇ قوغلا - قوغلا ئاخىرى بىر مەھەللىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە بىر قانچە چېدىر ئۆيلۈك بار ئىدى. ئۇ چېدىرلارنىڭ قېشىدا بىر دەرەخ بار ئىدى. بەھرام گور شۇ يەردە ئاتتىن چۈشتى.

① «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىل نەشرى، ئۇيغۇرچە، 2-توم 70-بەت.

بەت 298

ئۇ چېدىر ئىگىلىرىدىن ئۈچ كىشىنى تېپىپلا: — مەن ھازىر سىلەرنىڭ مەھەللىگە مېھمان، مەزە بولسا ئاچىقىپ، مېنى مېھمان قىلىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن قورساقىمنى ئازراق توقلىۋالاي، — دېدى. ئۇ چېدىر ئىگىلىرىدىن بىرى ھەددىدىن ئارتۇق بېخىل ۋە ھىممىتى پەس كىشى ئىدى. شۇڭا ئۇ شاھنىڭ ئىلتىماسىغا ۋە ئېھتىياجىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. يەنە بىرى ھەددىدىن ئارتۇق ئىسراپخور ۋە بۇزۇپ - چاچىدىغان كىشى ئىدى. شۇڭا ئۇ كىشى شاھ بەھرامنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە قوينى ئۆلتۈرۈپ، كاتتا زىياپەت ھازىرلاشقا تەرەددۇت قىلدى. بىراق ئۇ كىشىنىڭ ئېسىل تائاملىرى تەييار بولغۇچە ئاچلىق ئازابى شاھ بەھرامنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىرىۋەتتى. بىراق يەنە بىر كىشى ناھايىتى ئەقىللىق، دانىشمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا ئەقىل - پاراسەت يولباشچى بولدى - دە، شاھ بەھرامنى چېدىرىغا باشلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا دەرھال بىر قانچە نان بىلەن بىر ئاياق قېتىق كەلتۈرۈپ، شاھنى مەزەگە تەكلىپ قىلدى. شاھ بەھرام بۇلاردىن تويغۇدەك يېدى، بەتاقەتلىك ۋە ئاچلىق ئازابىدىن قۇتۇلدى. بەھرام گور بىر پەس راھەتلىنىپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، مەزە قويغان كىشىگە ناھايىتى كۆپ ئالتۇن - كۈمۈش ۋە خەزىنىدىن بېرىپ، ئۇنى ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قىلدى. كۆڭلى پەس بېخىل كىشىنىڭ قاتتىق دەككىسىنى بېرىپ، ئۇنى سەگىتىپ قويدى. ئورۇنسىز بۇزۇپ - چاچقان ئىسراپخور كىشىگە ھەدددى - ھېسابسىز تەنىە ۋە كىنايىلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ بۇزۇپ - چاچقان مۈلكىنى تۆلەپ بېرىپ قايتىپ كەتتى». ① بۇ ھېكايىدىن نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەقىللىق كىتابخان ناھايىتى ياخشى ھېس قىلالايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا يەنە مۇنداق بىر شېئىرىي پارچىنى

--- [Footer] ① ئەلىشىر ناۋائىينىڭ «لىسانۇتتەير» دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىندى. «بۇلاق» 1989 - يىلى 3 - سان. 290

بەت 299

كۆرىمىز: كۆركۈلۈك تونۇڭ ئۆزۈڭگە، تاتلىغ ئاشىڭ ئازىتقا. تۇتۇل قونۇت ئاغرىلىغ، يايسۇن چاۋۇك بودۇنقا. (1 - توم، 64 - بەت) (كۆركەم تونۇڭنى ئۆزۈڭ كىي، تاتلىق ئاشلىرىڭنى مېھمانغا يېگۈز، مېھمانلارنى ئىززەتلە، داڭقىڭنى ئەلگە يايسۇن) بىز يۇقىرىقى كلاسسىك پارچىلاردىن ئۇيغۇرلاردا ئادەت بولغان ياخشى بىر ئەنئەنىنىڭ سېماسىنى كۆرگەندەك بولىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن مېھماندارچىلىق، مېھماندوستلۇق ئۇيغۇر خەلقىدە ئومۇمىيەتكە ئايلانغان ياخشى بىر يوسۇن بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇنداق ياخشى قائىدە - يوسۇن ئىچىدە يۇقىرى تەلەپ بىلەن تەربىيەلەنگەن پەزىلەتلىك ئالىملار ئىدى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مېھماندوستلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى سىنايدىغان ئەقىدىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئايلاندى. چۈنكى مېھماندوستلۇق ئىسلام دىنى تەكىتلىگەن ئەخلاق - پەزىلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھماندوستلۇقى ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە سۆزلىنىدۇ: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادىتى شۇ ئىدىكى، ھەر كۈنى روزا تۇتۇپ، تاكى ئۆيلىرىگە مېھمان كەلمىگۈچە ئىپتار قىلمايتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە توققۇز كۈندىن بېرى مېھمان كەلمىگەن ئىدى. ئۇ ئاللاھقا مۇناجات ئوقۇپ سورىدىكى: ئىلاھى، بىرنەچچە كۈن بولدى، ماڭا مېھمان ئەۋەتمىدىڭ، مەندىن قانداق خاتالىق ئۆتتى؟ شۇ زامان ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئېيتتى: — ئەي ئىبراھىم، ئاللاھ تائالا لۇتنىڭ غېمىنى بىلمەسمۇ؟ سەن

بەت 300

لۇتنىڭ غېمىنى يېگەنلىكىك ئۈچۈن مېھمان ئەۋەتمىدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەتەيسى ئولتۇراتتى، ئۆيىگە ياش تۆت يىگىت كىرىپ كەلدى. ئۇ خۇشال بولغىنىدىن ئۇلارغا كۆپ ئىززەت ئىكرام قىلدى ۋە بۇقاي سارىغا ئېيتتى:

— بۇ ئەزىز مېھمانلارغا لەززەتلىك تائاملارنى ئېتىپ بېرىك.

بۇقاي سارە مېھمانلار ئۈچۈن تائام قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تائامنى زوق-شوق بىلەن يېدى ۋە مېھمانلارنى تەكرار-تەكرار تائامغا تەكلىپ قىلدى. لېكىن مېھمانلار يېمىدى ۋە دېدى:

— بىزنىڭ تائامغا ھاجىتىمىز يوق، خاتىرجەم بولۇڭ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزدىن ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە سورىدى:

— سىلەر كىم؟ ئۇلار:

— بىز جەبرائىل، مىكائىل، ئەزرائىل ۋە ئىسراپىللاردۇرمىز. بىزگە ئاللا تائالادىن: سىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە بېرىڭلار، توققۇز كۈندىن بېرى ئۇنىڭكىگە مېھمان كەلمىدى. مېھمان بارمىغاقا ئۇ ئىپتار قىلمىدى، قورسىقى ناھايىتى ئاچتى. سىلەرنىڭ باھانەڭلار بىلەن ئۇ تائام يېۋالسۇن، دەپ پەرمان بولدى. شۇڭا بىز بۇ يەرگە كەلدۇق، — دېدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھمان سۆيۈملۈك ئاللانىڭ تەقدىرىگە ئۇچرىغان يەنە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە بىر ھەپتە مېھمان كەلمەپتۇ. لېكىن ئۇ مۇبارەك پەيغەمبەر بەلكىم مۇھتاجلىقتا قالغان بىر مېھمان كېلىپ قالار دەپ كۈتۈپ ھەمىشە تائام ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتەتتىكەن. ئاخىرى مېھمان ئىزدەپ تاغلارغا چىقىپتۇ. ئاخىرى ئۇ يەردە چاچ-ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان بىر بوۋاينى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىپتۇ. داستىخان سېلىنىپ ھەممەيلەن تائامغا ئولتۇرغاندا كۆپچىلىك «بىسمىللا» دېگەن بولسىمۇ، بۇ بوۋاينىڭ ئۈندىمەي تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىبراھىم:

بەت 301

— ئې ياشانغان ئىنسان، ياشانغانلار دىندا ئەستايىدىل كېلىتتى، سەندىن بۇ ھالنىڭ زەررىسىنىمۇ كۆرمىدىم، نېمىشقا بىسمىللاھقا قوشۇلمىدىڭ؟ تاماققا قول ئۇزاتقاندا ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىش، ئۇنىڭ مۇبارەك ۋە مۇقەددەس نامىنى زىكىر قىلىش شەرت ئەمەسمۇ؟ — دەپتۇ. بوۋاي: — مەن ئاتەشپەرەس، بىزنىڭ تەرىقىتىمىزدە بۇنداق ئىش يوق، دەپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇ بوۋاينىڭ مەجۇسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دىنىمىزغا يات بولغان دىنسىزلارنىڭ پاك كىشىلەر ئارىسىدا ئورنى يوق دەپ، ئۇ بوۋاينى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا جاناپى ھەق جەبرائىلنى ئەۋەتىپ، ئۇ ئارقىلىق مۇنداق دەپتۇ: ئى ئىبراھىم، مەن بۇ بوۋاينى يۈز يىل ياشىتىپ، رىزقىنى بېرىۋاتىمەن. سەن بىر ۋاخلىق تاماق بېرىشكە تاقەت قىلالمايۋاتامسەن، ئۇ مەجۇسى بولسا ساڭا نېمە زىيىنى، دەپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قىلغان ئىشىدىن پۇشايمان قىپتۇ. «قۇرئان» كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ئىشلىرىنى ئەسلىتىپ ئايەت چۈشۈرگەن. «ئۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چىقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار. ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھماننى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار①. (ئى مۇھەممەد) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئېلىك ئالدى. (ئىچىدە) ناتونۇش ئادەملەرغۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ، پىشۇرۇلغان بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ يېمەمىسەڭلار دېدى»②. بۇنىڭدىن ئاللاھمۇ بەندىلىرىنى مېھمانلارغا ئىخلاس قىلىشنى، ئۇلارغا دىن، مىللەت

--- [Footer] ① «قۇرئان كەرىم»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، 15-سۈرە ھىجىر 68-69 ئايەت. ② «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، 51-سۈرە زارىيات 25-27 ئايەت. 293

بەت 302

نۇقتىسىدىن پەرقىلىق مۇئامىلە قىلماسلىقنى، ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ مېھمىنى دەپ بىلىشنى بۇيرۇۋاتقانلىقى چىقىدۇ. مېھماننى ياخشى كۆرگەن، ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەن ئادەمنى ئاللاھمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئۆزى ئاچ تۇرۇپ، مېھمانلار ئۈچۈن بارلىقىنى ئايىمايدىغان كىشىلەرنى تەستىقلاپ مۇنداق ئايەت نازىل بولغان: «ئۇلار ئۆزلىرى مۇھتاج تۇرسىمۇ، باشقىلارنى ئۆزلىرىدىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر» (سۈرە ھەشر 9 - ئايەت) بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى مۇنداق بىر ئىش سەۋەب بولغان. «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىغا ئادەم ئەۋەتتى، ئۇلار: بىزنىڭ يېنىمىزدا پەقەت سۇدىن باشقا نەرسە يوق، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: بۇ ئادەمنى كىم مېھمان قىلىدۇ؟ دېدى. ئەنسارلاردىن بىرى مەن مېھمان قىلىمەن، دەپ ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ باردى. ئايالىغا رەسۇلۇللاھنىڭ مېھمىنى كۈتكىن، دېدى. ئايالى ئۆيدە پەقەت باشقا نەرسە يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ ئايالىغا بارىنى تەييارلىغىن، چىراغنى يورۇتقىن، كەچكى تاماق ۋاقتىدا بالىلىرىڭنى ئۇخلاتقىن دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال تاماقنى تەييار قىلدى. چىراغنى يورۇتتى. بالىلىرىنى ئۇخلاتتى. ئاندىن كېيىن چىراغنى ئوڭلىغان بولۇپ ئۆچۈرۈۋەتتى. ئەر - خوتۇن ئىككىسى مېھمانغا تاماقنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەۋاتقاندەك قىياپەتتە كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە مېھمانغا يېگۈزۈپ، ئۆزلىرى ئاچ قورساق يېتىپ قېلىشتى. ئەتىسى ئەتەنگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاخشامقى ئىشىڭلاردىن كۈلدى ۋە ئەجەبلەندى، دېدى ۋە ئۇلار توغرىلىق يۇقىرىقى ئايەتنى چۈشۈرگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى» (سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى 404 - بەت). يۇقىرىقىلاردىن بىز ئۆز دەۋرىدە مېھمانغا بولغان ئىخلاسنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە

بەت 303

ئۇلۇغلانغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ خىل ئەقىدە 11- ئەسىرلەردە ياشىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپقا، مەھمۇد قەشقەرىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان.

  1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنتىزىم قائىدە - يوسۇن بىلەن يېتىلگەن ئالىم ئىدى ئۇ بۇ جەھەتتىكى پەزىلەتلىرىنى ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىپ يادىكار قالدۇرغان. قائىدە - يوسۇن دېگەن مانا شۇنداق ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بىرىنچى، مېھمانغا بېرىش يوسۇنلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاۋۋال مېھماندارچىلىقنىڭ تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ: «مېھمانغا چاقىرىدىغان كىشىلەر ھەر خىل بولىدۇ، مېھماندارچىلىقمۇ كۆپ خىل بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى نىكاھ تويى ئۈچۈن بېرىلگەن ئاش، سۈننەت تويى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەبرىكلەپ تارتىلغان ئاش (بۇنى ھازىر ھەقىق دەيدۇ)، بۇنىڭدىن باشقا دوست - بۇرادەرلەر، تەڭتۇش ئاغىنىلەر چاقىرغان مېھماندارچىلىق، چوك - كىچىك قەۋم - قېرىنداشلار تەكىلىپ قىلغان زىياپەت، مەرتىۋىسى ئۆسكەنلىكى شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەت، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن نەزىر ئېشى قاتارلىقلار بار.» مېھماندارچىلىق تۈرلىرىنى ساناپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەمدى قايسىسىغا بېرىش، قايسىسىغا بارماسلىق، قايسىسىغا ئالدى بىلەن بېرىش، قايسىسىغا كېيىن بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغاندا كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ: «بۇلارنىڭ قايسىسىغا بېرىش، قايسىسىغا بارماسلىقنى بىلىش كېرەك. يېقىن ئاداش - يولداشلار، يار - بۇرادەرلەر مېھمانغا چاقىرسا بېرىپ ئىشلىرىغا قارىشىپ بەرگىنىڭ ياخشى. تارتىلغان نازۇ - نېمەتلەر ۋە تائاملار
بەت 304

يېتەرلىك بولسىمۇ كۆزىتىپ تۇرۇش لازىم. يېقىن قوشنىلار ۋە خۇدالىق دوستلىرى مېھمانغا چاقىرغان بولسا ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئەلۋەتتە بېرىپ، ئۇلارنىمۇ خۇرسەن قىلىپ، ئۆزۈڭنىمۇ خۇشال قىلغىنىڭ تۈزۈك. ئەگەر مەخسۇس ساڭا ئاتالغان زىياپەت بولسا، ۋاقتىدا بېرىپ، تائاملىرىدىن يەپ، ئۇلارنى رازى قىل. ئۇنىڭدىن باشقا زىياپەتلەر بولسا ئەڭ ياخشىسى بارمىغىنىڭ تۈزۈك. ئۆزۈڭگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان يەرگە بارساڭ كۆڭلۈڭ رەنجىپ قېلىشى مۇمكىن. دىلىڭ تارتىمىغان يەرگە بېرىپ كۆڭلۈڭنى رەنجىتكۈچىلىكى يوق. بۇنداق يەردە مەسىلىنىڭ تۇرۇش - جېجىلغا ئارىلىشىپ قېلىپ، دىلىڭ رەنجىپ، ئىشىڭ ئاش بولمايدۇ. پەقەت بىر تويۇم ئاش ئۈچۈن مۇناسىپ بولمىغان يەرگە بېرىپ ئۆزۈڭنى ئېتىبارسىز قىلما. گال ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇزۇپ، پەس ئادەم بولۇپ قالما! گال ئۈچۈن ئىنسانغا قۇل بولما، نۇرغۇن ئابرۇيلۇق ئادەملەرنىڭ نەپس ئۈچۈن يەر بولغانلىقىنى، ئەل ئىچىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولغان مۆتىۋەرلەرنىڭمۇ گېلىغا ئەسىر بولۇپ، تۇپراق بىلەن تەڭ بولغانلىقىنى، كۆپلىگەن بايلارنىڭ گېلىغا قۇل بولۇپ، ئاخىرى كەمبەغەللىشىپ خانىۋەيران بولغانلىقىنى كۆپ ئۇچراتتىم. ھەي نەپسى غالىب كەلگەن ئوغلۇم، گېلىڭغا تۇتقۇن بولما. بۇ قۇللۇقتىن قۇتۇلماق بەك مۈشكۈل.»

يۇقىرىقى ئەسكەرتىمىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزۈن زامانلار داۋامىدا تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن يەكۈنلىگەن يەكۈنلىرى. تۇرمۇشتا مۇددائا - مەقسەت ئوخشاش بولمايدۇ، نىيەت بىر خىل بولمايدۇ. بەزىلەر ھەقىقىي كۆڭۈل ئىزدىپ دوستلۇقتىن مېھمان چاقىرىدۇ، بەزىلەر تەمەخورلۇقتىن، خوشامەتتىن مېھمان چاقىرىدۇ، بەزىلەر مەلۇم بىرەر ئىشنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىدۇ. دوستلۇقتىن كۆڭۈل ئىزدەپ چاقىرىلغان مېھمان ئادەمگە ئازادىلىك، كۆڭۈل خۇشلۇقى ئېلىپ كېلىدۇ. تەمەخورلۇقتىن، خوشامەتتىن چاقىرىلغان مېھماندارچىلىق ئادەمگە ئارامسىزلىقتىن باشقا نەرسە بېرەلمەيدۇ.

بەت 305

دۇ. كىشىلەر «چاقىرىلغان يەردىن قالما، چاقىرىلمىغان يەرگە بارما» دېگەن بولسىمۇ، چاقىرىلغان يەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىش دۇرۇس ئەمەس. باراۋەرلىك بولمىغان، ئەمەلدارلار ئولتۇرۇشقا ياكى ھاراقكەشلىك، ئەخلاقسىزلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بارغاندا ئادەمگە خۇشاللىق يوق. ئەمەلدارلارنىڭ ئارىسىدا قورۇنۇپ ئولتۇرىدىغان گەپ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقتىن كېرىلىشلىرى ئادەمنىڭ جېنىغا تېگىدۇ. جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى ئولتۇرغان ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ قالغاندىمۇ ئادەمگە ئاراملىق بولمايدۇ. كۆڭۈل غەشلىكى بىئاراملىق بالاسىنى سالىدۇ. ھەتتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەرگىزمۇ گالنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ، گال ئاۋارىسى بولۇپ قالغان ئادەم ئاخىرى بۇرنىغا يېمەي قالمايدۇ. ھەتتا پۈتۈن ئەسلىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشى، جېنىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشلار ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىمۇ كۆپ ئۇچراۋاتمامدۇ؟

ئىككىنچى، مېھماندارچىلىقتا رىئايە قىلىدىغان ئەدەپلەر

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «مېھمانغا بارساڭ ئەدەپ بىلەن تائام يېيىشنى ئۆگەن. ئەدەپ - قائىدىنى بىلمەيدىغان ئەقىلسىز كىشىلەر ئەدەپ - قائىدىلىك كىشىلەرنى كۆرسە ھەيران قالىدۇ. داستىخاندا ئاۋۋال تائامغا چوڭلار قول ئۇزاتقاندىن كېيىن ئاندىن قول تەگكۈز. تاماقتىن يېگەندە «بىسمىللا» دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن، شۇندىلا تائام بەرىكەتلىك بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى نازۇ - نېمەتلەرگە قول ئۇزاتما، ئالدىڭدا نېمە بولسا شۇنى ئېلىپ يېگىن. داستىخاندا پىچاق چىقارما، سۆڭەك غاجىلىما، بەك ئاچ كۆزلۈكمۇ قىلما، توزۇت قىلىپمۇ ئولتۇرما. ھەر قانچە توق بولساڭمۇ، مېھمان قىلغۇچىنىڭ ئەجرى - ھۆرمىتى ئۈچۈن تارتىلغان ئاشتىن ئازدۇر - كۆپتۇر يېگىن. تاماقتىنى يۇمشاق چايناپ يە، قىزىق ئاشنى ئاغزىڭ بىلەن پۈۋلىمە، داستىخاندىكى ئاشنى ئۆز ئالدىڭغا تارتىۋېلىپ باشقىلارنىڭ يېرىنى قاچۇرما. ناۋادا

297

بەت 306

يۇقىرىقىلارنىڭ قىلمىساڭ يوسۇنسىزلىق بولىدۇ. يوسۇنسىز ئادەملەر ئەڭ پەس ئادەملەردۇر. يوسۇنلۇق ئادەملەر تور بېشى بولىدۇ. شۇڭا يوسۇنلۇق كىشىلەر: ھەممە ئىشنىڭ تەرتىپ - قائىدىسى بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلسا يۈزى يورۇق بولىدۇ دەپ تولىمۇ ياخشى ئېيتىشقان. تەرتىپسىز، قىلىقسىز كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشمەيدۇ. ئۆي ئىگىسىنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن تاماقنى تەمىلىك، لەززەتلىك بوپتۇ دەپ ماختاپ يېگىن. باشقىلار سەن ئۈچۈن شۇنچە ئەجىر قىلىپ مېھمان قىلغانىكەن، ئۇلارنى ئورۇنسىز رەنجىتىپ، ئەجرىنى زايا قىلما! ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەينەككە ئوخشاش نازۇك بولىدۇ. قوپاللىق قىلىپ ئۇنى سۇندۇرۇپ قويما. كۆڭۈل سۇنسا لەززەت كېتىدۇ، يېقىنلىق يىراقلاپ پايدا ئۈزۈلۈيدۇ. يېقىنلىقنى خالىساڭ كۆڭۈلنى ئايا.»

يۇقىرىقى قائىدە - يوسۇنلار ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىمۇ بار. شۇڭا ئۇنى يەنە شەھەرلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر ئىش باركى، ئادەم سورۇندا ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ساقلاشنى بىلىش كېرەك. سورۇنلۇقى يوق ئادەمدىن كىشىلەر بېزار بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارا - بارا سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ. بىر قاچا تاماقتىن مەھرۇم قىلىش ھېچ گەپ ئەمەس، سەپتىن چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئەلىمى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك، ساھىبخاننىڭ ئەجرىگە، ئادەمگەرچىلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، سورۇنداشلارنىمۇ ھۆرمەت قىلىش كېرەك. سەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلساڭ ئاندىن ھۆرمەتلىنەلەيسەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئالدىمغا كەلدى دەپ تاماقنى كۆپ يېمە، لايىقىدا يە. ئەقىللىق بىر قەدىردان ماڭا شۇنداق بىر گەپ قىلغان: كۆپ يېگۈچىنىڭ تامىقى سىڭمەيدۇ، تاماق سىڭمىگەن كىشى كېسەلچان بولىدۇ، بىلگىنكى، كېسەللىك گالدىن كىرىدۇ، يېمەكنى ئاز - ئازدىن سىڭدۈرۈپ يېگۈدەك يېگىن. كېسەل چاپلاشسا ئادەم زەئىپلىشىدۇ، داۋالانمىساڭ ئۆلۈم

298

بەت 307

ئالدىرىتىدۇ. بۇ خۇسۇستا تېبىپلار، ناھايىتى ياخشى ئېيتقان: كېسەللىك ئۆلۈمنىڭ بېشارەتچىسى، كېسەل بولسىمۇ ئۆلۈمگە ھەمراھ بولىدۇ. كېسەل دېگەن ئازاب-ئوقۇبەتتۇر، ئۇنىڭدا لەززەت يوق، ئۇنىڭ ھەم ياخشىسىمۇ يوق. ئۆزىنى ئادەم چاغلايدىغان ھەرقانداق كىشى نېمىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، قايسى يېمەكلىكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. نېمە مىجەزىڭگە ياقسا شۇنى يېيىشى كېرەك. مىجەزىڭگە ياقمايدىغاننى ھەرگىزمۇ ئېغىزىڭغا ئالمىغۇلۇق. ئىسسىقلىقىڭ ئاشسا دەرھال سوغۇقلۇق قىل، سوغۇقلۇق ئاشسا ئىسسىقلىق بىلەن تەڭشە، ياش مەزگىلدە باھار پەسلى كەلسە سوغۇقلۇق قىلىپ، قېنىڭنى راۋان قىل. يېشىڭ قىرىقتىن ئاشقاندا كۈز پەسلىگە توغرا كەلسەڭ، ئىسسىقلىق بىلەن مىجەزىڭنى تەڭشە. يېشىڭ ئاتمىشقا يەتكەندە سوغۇقلۇقنى ھەمراھ قىلما، بولۇپمۇ قىش مەۋسۈمىدە شۇنداق قىل. مىجەزىڭ قورغاقلىشىپ، سوغۇقلۇق غالىب كەلسە ئىسسىق، ھۆل نەرسىلەرنى ھازىرلا، بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا توسۇق بولىدۇ. سوغۇقلۇق ئېشىپ سالامەتلىكىڭگە بېسىم سالسا، ئۇنى ئىسسىق، قۇرۇق نەرسىلەر بىلەن ياندۇرۇپ باس. مىجەزىڭ مۆتىدىل بولسا ئىسسىق، سوغۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەپ ئۆزۈقلان. مىجەزىڭنى ھەر دائىم ئاشۇنداق كۆزىتىپ تۇرساڭ، تېنىڭ سالامەت، تۇرمۇشۇڭ باياشات ئۆتىدۇ. تېبىپلار ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قوي: مەن ئادەمنىڭ مىجەزىنى چۈشەندۈرۈپ قويايكى، ئۇ ئاق، قارا، قىزىل، سېرىق بولىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە دۈشمەنكى، ئۇلار ئۆزئارا يېقىنلاشقاندا ئاندىن پەرق ئەتكىنى بولىدۇ. ئەقىللىق ئادەم مىجەزى نېمە ماس كەلسە شۇنى ئوزۇق قىلىپ، مىجەزىنى مۆتىدىل ساقلايدۇ. ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقىمۇ مىجەزىنى بېقىپ ئوزۇقلىنىشتا. ئادەم قىرىق ياشقا كىرگىچىمۇ ئۆزىنىڭ مىجەزىنى بىلمىسە، گەرچە ئۇ سۆزلىيەلىسىمۇ ھايۋاندۇر. نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق

بەت 308

بىلىمگە ئىگە بولمىسا، ئۇنى ئۆزە تۇرغان ھايۋان دېمەي نېمە دېگۈلۈك؟! ئۇ ھەقىقىي ئادەم بولىدىغان بولسا، شۇنچە زامانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئۆزى ھېكىم بولالمامدۇ؟ مۆتىۋەر تېۋىپلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى شۇكى، ئادەم تاماقنى ئاز يېسە ئاندىن كۈلەلەيدۇ. ئەي بەگزادە، كېسەلسىز، تېنىن ياشماق بولساڭ «ئاز يە» دېگەن دورىنى يېگىن. خاتىرجەملىكتە ئۇزۇن ھۇزۇر سۈرەي دېسەڭ، تىلىڭنى يۇت. كۆپ يېگەن ئادەم كېسەلچان، چىرايى سېرىق، ماغدۇرسىز ۋە قەدىرسىز بولىدۇ. مىجەزىنى ياخشى ئېگىلىگەن دانا تېۋىپلار شۇڭا: ئادەمگە كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ، كېسەللىك كىشىنى بۇرۇن قېرىتىدۇ. كېسەل قىزىل مەڭزىڭنى زەپىران قىلىشتىن بۇرۇن ئېغىزىڭنى يىغىپ، سالامەت ياشا دېگەن» (1613 - 4643).

يۇقىرىقى ئەدەپ ۋە قائىدە - يوسۇن تەربىيىسى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئۆزىنى «مەن ئادەم» دەپ ھېسابلىغان ھەرقانداق بىر ئادەم چوقۇم بىلىشى لازىم بولغان ئەقلىي تەلەپ بولغان. دېمەك، قانچىلىك نەرسىنى يەپ ھەزىم قىلالايدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان، نېمىنىڭ ئۆزىگە زىيان قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئادەمنى گەرچە ئادەمدەك سۆزلىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەم ئەمەس بەلكى ھايۋان دەپ خۇلاسە چىقارغان.

بىز يېمەك - ئىچمەككە، غىزالىنىشقا، مىجەزگە شۇنداق ئەھمىيەت بېرىدىغان، گال ئۈچۈن ئۆزىنى بوزمايدىغان مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىدۇق. بىراق بىز ھازىر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تەرەپتىن تەرەققىي قىلغاندەك قىلغان بىلەن، ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتى تەرەپتىن چېكىنگەندەك قىلىمىز. ئۇزۇن زامان ئەمەس، بىزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ۋە مۆتىۋەر ئادەملىرىمىزمۇ ئوزۇقلىنىشقا كەلگەندە پەسكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى، جەمئىيىتىمىزدىكى رېستوران ھەممە تېجەشلىكنى، ئىسراپخورلۇقنى باش بولۇپ توسىدىغان، ئىسلاھ

300

بەت 309

قىلىدىغان بىرەر باش چىقمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرى، بىز ئالدىراپ بىر- بىرىمىزنىڭ سەمىمىي نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمايمىز. بولۇپمۇ يېمەك- ئىچمەك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق. يەنە بىرى، بىزنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىمىزمۇ مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ كەتتى، شۇڭا پەرۋاسىز بولۇشۇشقا مەجبۇر بولدى. بېشى بولمىغان مىللەتنىڭ ئىشلىرى ھەر قاچان ئاشۇنداق تەرتىپسىز، قىيىپىسىز، چېچىلاڭغۇ بولىدىكەن. يامان يېرى، بۇ خىل ھالەت پەرەزەنتلىرىمىزگە يامان تەسىر بېرىپ مىراس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالدۇق. خەلقىمىز نېمە كۈيدە، بىز نېمە كۈيدە. دوختۇرخانىلاردىكى كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى بىزنىڭ ئادەملەر، ياش- ياش ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەرنى نېمە بولغان دېسەك، قان بېسىمى بارىكەن، يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بارىكەن… ۋەھاكازا دەپلا يىغىشتۇرۇۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كېسەللەر يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمىزدىكى تەرتىپسىزلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. تاغاردا بىرنى يېيىلىپ، پۇشۇلداپ ئۇخلىسا، ھەرىكەت قىلمىسا كېسەل بولماي نېمە بولماقچى. نېمە ئۈچۈن يېزىلاردا كۈنلىرى ئەمگەك بىلەن ئۆتىدىغان ئادەملەرنىڭ تېنى ساق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 80 ياشقا كىرىپ قالغان بوۋايلارنىڭ چاپقان كەتمنىنى شەھەردە «پارنىكتا ئۆسكەن» ياش بىر قىسىم باللارمۇ چاپالمايدۇ. بىزدىكى ئاتاقلىق، مۆتىۋەر دەپ تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ۋە ئالىم ئاتالغانلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تويغىنىنى بىلمەي يېيىلىپ، ئۇنىڭ دەردىنى تارتىقانلىقى توغرىسىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى باشقا بىر مەنبەدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. مېنىڭچە ئۆزىنىڭ قورسىقىغا ھاكىم بولالمىغان ئادەم ئادەم ھېسابلانمايۋاتسا، ئۇلارنى ئالىم ئاتاشقا تېخىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.

ئەمدى مىراج توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كەلگەندەك قىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ 40 ياشقىچە ئۆزىنىڭ

301

بەت 310

مزاجىنى بىلمىگەن ئادەمنى ھايۋان قاتارىدا سانىغان. ھەربىر ئادەمنىڭ مزاجى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەتتا بالىلارنىڭ مزاجىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. بەزىدە مزاج بالىلارغا ئىرسىيەت بولۇپ ئۆتىدۇ. مزاج ھەققىدە ساۋاتى بولغاندا ئۆزىنى تەڭشەپ تۇتۇش بىلەن بىرگە بالىلارنىمۇ تەڭشەپ تۇتالايدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ مزاجىنى تەڭشەپ تۇتۇش ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولۇشىدا ناھايىتى مۇھىم. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تولىمۇ ئىسسىق بېقىۋېتىدۇ، بەزىلەر تولىمۇ سوغۇققا زورلاپ مزاجىنى ياندۇرۇۋېتىدۇ. ئاندىن كېسەل قىلىپ قويۇپ دوختۇرغا قاترايدۇ. ۋاقىت جەھەتتىنمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ نۇرغۇن زىيان تارتىدۇ. مزاجى تەڭشۈك بولسا جىسمانىي جەھەتتىنمۇ، ئەقلىي جەھەتتىنمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ.

پۈتۈن چوڭ تەبىئەت تۈرلۈك ماددىلاردىن تەركىب تاپقانغا ئوخشاش، ئىنسانمۇ تەبىئەتنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرلۈك ماددىلاردىن تەركىب تاپقان كىچىك تەبىئەتتۇر. بىراق ھەربىر ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشىمىغان تەبىئەت ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسىي ئامىل. مزاج دېگەندە كۆزدە تۇتۇلغىنى تۆت چوڭ ماددا - ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ بىرىدىكى ئوخشاش بىرلىكلەرنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئوخشاش بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ۋە تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن كەپىياتنى مزاج دەپ ئاتايدۇ. يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك تۇپراقنىڭ ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ھاۋاغا تەسىر قىلىشى، … قاتارلىق جەريانلار ئاساسىدا ھەربىر جانلىق ياكى جانسىز ماددا ئورناشقان ياكى نۆۋەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كەپىياتقا ئېيتىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنيانى تەشكىل قىلغان بۇ تۆت ماددىنى «تادۇ» ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇ تۆت تادۇدىن چىن ھاياتلىق تۈزۈلگەن دەپ قارىغان.

302

بەت 311

60 بۇ تۆت يار① ماڭا تۆت تادۇدەك ئېررۇر، تۈزۈلسە تادۇ چىن ھاياتلىق بولۇر.

143 ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت، ئۈچى تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.

ئىنسان ۋۇجۇدىمۇ مانا شۇ تۆت تادۇ (تۆت زاد — ماددا) دىن تەشكىل تاپقان. بۇ تۆت تادۇ بىر-بىرىگە دۈشمەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكەن، شۇڭا نىسبىي تەڭپۇڭلۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. ئەگەر تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلدىكەن، تۆت تادۇنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن ئۈستۈنلۈك قازىنىدۇ-دە، يەنە بىرىنى كۆتۈرۈپ باسىدۇ، نەتىجىدە بەدەندە كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئۆلۈمگە سۆرەيدۇ. شۇڭا تادۇلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان. ئايتولدىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلغاندا تادۇلارنىڭ جەڭگى-جېدەللىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «تەن مۈلكىدىكى ياراشمىلىق تادۇلار ئارىسىدا جېدەل-غەۋغا كۆتۈرۈلدى. تۆت تادۇنىڭ بىرى غالىب كېلىپ، ئۈچىنى باستى. شۇنىڭ بىلەن ئايتولدىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ، ئېغىزىغا تائام تېتىماس بولدى. شۇنداق قىلىپ ئېغىر كېسەل ئايتولدىنى كۆتۈرۈپ باستى.»

مىجەز — بەدەننىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەمدە تاشقى ئەزاغا ۋە مىجەز-خاراكتېرگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئىپادىسىنى كۆرسىتىدىغان مەۋھۇم كۈچ، مۇشۇ مەۋھۇم كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي قىياپىتىگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى مەۋھۇم لوگىكىدىن

① تۆت يار — تۆت چارىيارنى كۆرسىتىدۇ.

بەت 312

ئىبارەت. يەنى مۇنداق ئالامەتلەرگە قارىغاندا، بەدەندە مۇنداق ئۆزگىرىش بولغان دېگەن يەكۈنگە كەلگەنگە ئوخشاش. تېبابەتكە خاس بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى كېسەللىكنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، بەلكى ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان تۆت تادۇنىڭ بىرى بولغان ئوتنىڭ بەدەندىكى ئىپادىسى سەۋدانىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە ئىشارە. شۇنداق ئادەم قۇرۇق ئىسسىق مىجەزلىك بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ خۇلقى-مىجەزى ۋە روھىي ھالىتىدە ئالاھىدە پەرقلەر بولىدۇ. ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەرىكىتى تېز، سەزگۈر، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان بولىدۇ. شۇڭا مەيلى تېبابەت ساھەسى ئىچىدە بولسۇن، سىرتىدا بولسۇن، خەلقىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان مۇشۇ خىل بىلىش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، تەبىئەتنى ۋە ئۆزىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭغا ئاساسەن يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئۆزىنىڭ مىجاجىنى تەڭشەپ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى تېپىپ بولالمايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگەن.

مىجاج كۆپىنچە روھىي ئالامەتلەرگە ئىشارە قىلىپ، ئادەمنىڭ مىجەز-خۇلقى، خۇي-پېئىلىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. مىجاج ئۆزگىرىشى پەقەت سان ئۆزگىرىشى بولۇپ، ماددىلىق ئۆزگىرىش (خىلىتلىق ئۆزگىرىش) بولسا مىجاج ئۆزگىرىشىنىڭ مەلۇم دەرىجىگە بېرىپ يېتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مىجەز ئۆزگىرىش بىلەن خىلىت ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى بەزىدە ئوخشاش ئىپادىلەنسىمۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بىلەن پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنىڭ پەرقىگە ئوخشاش پەرقلىنىدۇ. شۇڭا مىجەزدىكى قۇرۇق ئىسسىق بىلەن خىلىتتىكى سەپراغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ.

ئىنسانلار يېگەن ئوزۇقلۇق، سۈمۈرگەن ھاۋا ۋە تۇرۇۋاتقان ماكاننىڭ تەسىرىدىن ئىنسان بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان، شۇنىڭدەك

بەت 313

مەخسۇس ئەزالاردا ساقلىنىپ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەمنلەيدىغان تۈرلۈك سۇيۇقلۇقلار خىلىت دېيىلىدۇ. بۇلار سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدادىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە يەنە نۇرغۇن ماددىلار بولىدۇ. خىلىتلارمۇ خۇددى تۆت چوڭ ماددا - تادۇلارغا ئوخشاش بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، ئەمما بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. بىرى بىرىگە قارشى بولىدۇ، لېكىن كېلىشكەن يەنى ئىتتىپاق تۈزۈشكەن بولىدۇ. قان خىلىتى بولۇپ، سەۋدا خىلىتى بولمىسا، قان خىلىتى قايسى تەن ۋە ئورگاندا مەۋجۇت بولالىسۇن؟ سەپرا خىلىتى بولۇپ، بەلغەم خىلىتى بولمىسا ئادەمده ھارارەت ۋە تىرىكلىك بولمايدۇ. دېمەك، ئالدى بىلەن تۆت چوڭ ماددا ئۆز كەيپىياتلىرى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىغا تەسىر قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك شەيئىلەر شۇ ئارقىلىق مىجەزگە ئىگە بولىدۇ. ئادەم ئۆزىگە كېرەكلىك ماددىلارنى يېگەن - ئىچكەن، سۈمۈرگەن ۋە شۇ مۇھىتتا تۇرغان بولغاچقا، ئىنسان بەدىنىدىمۇ تاشقى تەبىئەت جىسىملىرىدىكى مىجەزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماددا ھاسىل بولۇشى ھەمدە رول ۋە تەبىئەتكە ئىگە بولغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بەرھەق. شۇڭا بىز سەپرانى ئوتنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى، قاننى ھاۋانىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى، بەلغەمنى سۇنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى، سەۋدانى تۇپراقنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تونۇيمىز. ھەربىر خىلىتنىڭ بەدەندىكى رولى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: سەپرا خىلىتى بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاش، ئېرىتىش، ھەزىم قىلىش، زەھەرسىزلەندۈرۈش، نېرۋا ھەرىكىتىنى غىدىقلاش، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، بۇزۇق ماددىلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەلغەم خىلىتىنىڭ ھۆل ۋە سوغۇقلۇقىنى تەڭشەپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. قان خىلىتى ئومۇمىي بەدەنگە ئىسسىقلىق ۋە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش، ساپ ھاۋانى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ، بۇزۇق ھاۋانى سىرتقا چىقىرىش، بەدەننى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھەر خىل رەڭ ماددىلىرى ۋە ھەر خىل

بەت 314

ئوزۇقلۇقلارنى يەتكۈزۈش، زىيانلىق ماددىلارنى تەر ۋە بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەدەننى ئىسسىتىش تەسىرىگە ئىگە. شۇڭا كىشىلەرنىڭ شورپا ئىچىپ تەرلەپ چۆمۈلۈۋالسا يېنىكلىشىپ قوپۇشىدىكى سىر، شورپا ئارقىلىق قاننىڭ ھەرىكىتىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق تەرلەپ، بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى سىرتقا ھەيدەيدۇ.

بەدەندىكى خىلتلارنىڭ ئۆزگىرىشى بەدەنگە ۋە روھقا ھەر قاچان تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەرىكەتتىكى ئۆزگىرىشچان نەرسە. شۇڭا بەزى ئادەملەر بىر خىل سۇ، ھاۋا، تۇپراقتا ياشاۋاتقاندا بەدەندىكى ماددىلارنىڭ يىغىلىنىشى توسۇلۇپ، بەزى كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار تۇپراق، سۇ، ھاۋانى ئالماشتۇرۇپ باشقا يۇرتلارغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە ياخشىلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا بەزى ئېغىر كېسەللىكلەرمۇ تۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بەزى ھاللاردا يۇرتىدىن باشقا جايلارغا بارغاندا يەنىلا بەدەندە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. بەدەنلەرگە بىر نەرسە چىقىپ كېتىدۇ ياكى تاماق ياخشى ھەزىم بولمايدۇ. بۇنى كىشىلەر سۈيى ئەلگاش، توپىسى ماس كەلمەس، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر تۇپراق، سۇ، ھاۋا ئالماشتۇرسا شۇنداق چىرايلىقلىشىپ كېتىدۇ، قاۋۇللىشىپ كېتىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مزاج، خىلت چۈشەنچىسى شۇنچىلىك ئومۇملىققا ئايلانغان ۋە ئاممىۋىلاشقان ئىدىكى، ھەتتا ئاۋام ئىچىدىكى چۈش ئىلمىدىمۇ مزاج، خىلت چۈشەنچىلىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

«قارايدىغان بولساق، كېچىدە كۆرگەن چۈشنىڭ تەسىرى باشقا، كۈندۈزدە ئۇخلاپ كۆرگەن چۈشنىڭ تەسىرى يەنە باشقا بولىدۇ. بەزى چۈشلەر باركى يېمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك، يارىمايدىغان، ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولسا چۈش قالايمىقان بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم چۈشلەر پەسىلگە باقىدۇ، تادۇسى كۆچۈپ كەتكەن بولسا چۈشتىمۇ ئۆنىگە تارتىپ كېتىدۇ.

بەت 315

دۇ. ئەگەر يىل پەسلى باھار بولۇپ، چۈش كۆرگۈچى كىچىك بالا بولسا، چۈشىدە يەردىن تارتىپ ھەممە نەرسە قىزىل كۆرۈنگەن بولسا، روشەنكى، ئۇنىڭ قېنى كۆپىيىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇنىڭغا ئېيتىش كېرەككى، مەلۇم مىقداردا قان ئالدۇرۇۋەتسۇن. يىل پەسلى ياز بولۇپ، چۈشكۈچى يىگىت بولسا، چۈشىدە سېرىق، ھال رەڭ نەرسىلەرنى ۋە ئوت-ئۆچەتلەرنى كۆرگەن بولسا، سەپراسى كۈچەيگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇ سۈرگە، تەرەنجىۋىل ئىچىپ ئۆزىنى بوشىتىشى لازىمدۇر. ئەگەر ئوتتۇرا ياش كىشىلەر كۈز مەۋسۈمىدە چۈشىدە تاغ، قۇدۇققا ئوخشاش چوڭقۇرلۇقلارنى ۋە قارا نەرسىلەرنى كۆرگەن بولسا ھەي قېرىنداش، بۇ ئۇلارنىڭ سەۋداسىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلار دورا ئىچىپ مېڭىسىنى ساپلاشتۇرسۇن، قىش پەسلى بولۇپ، چۈشكۈچى قېرى بولسا، چۈشىدە ئاقار سۇ، مۇز، قار، مۆلدۈرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى چۈشىگەن بولسا ئۇنىڭ سوغۇقى ئېشىپ بەلغىمى كۆپىيىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇلار ئىسسىقلىق قىلىپ، ئىسسىقلىق دورىلار بىلەن مزاجنى تەڭشەش كېرەك.»

بەزى تەتقىقات ماقالىلىرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مزاجغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئاساسلىنىپلا، ئۇنى «تىبابەت ئالىمى»؛ مەشھۇر تېۋىپ دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ كېتىشتى. ئەمەلىيەتتە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىبابەت ئالىمى ئەمەس. بىراق ئۇ ھەر تەرەپتىن ئۇنىۋېرسال بىلىمگە ئىگە بولغان ئالىم. چۈنكى ھەقىقىي ئالىملىق مەرتىۋىسىگە يېتىش ئۈچۈن پەقەت بىر ياكى بىر قانچە ئىلىمدىن خەۋەردار بولۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ. ھەر بىر ئىلىم يەنە بىر ئىلىم بىلەن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتتە ئىگە. بولۇپمۇ ئادەم دېگەن نېمە، ئۇ نېمىدىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار، يېمەك-ئىچمەك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار، ئىنساننىڭ تەن ساقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ئىنساننىڭ بۇ مۇرەككەپ

بەت 316

ماشىنىسىنى ئۈزلۈكسىز، نورمال ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان كۈچ نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش ئومۇمىي ساۋاتلارنى بىلىش ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئادەتتىكى ساۋات بولغانلىقىنى «ئادەم 40 ياشقىچە ئۆزىنىڭ مىراجىنى بىلمىسە، گەرچە ئۇ سۆزلىيەلىسىمۇ ھايۋاندۇر» دېگەن سۆزىدىن بىلىدۇق. خۇددى ھازىر مەكتەپلەردە بىئولوگىيە، زوئولوگىيە، فىزىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەردىن ساۋات بېرىپ، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدا ماكرولۇق، مىكرولۇق جەھەتتىن ساۋات بەرگەنگە ئوخشاش، ئۆز دەۋرىدىمۇ ئىنسان ۋە تەبىئەتنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا ساۋات بېرىلەتتى.

ئاتا-ئانىلاردا مىراج، خىسلەت توغرىسىدىكى ساۋاتنىڭ بولۇشى پەرەزەنت تەربىيىسىدە، پەرەزەنتلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا قەتئىي كەم بولسا بولمايدىغان ئىلىم ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مانا مۇشۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىگە خام بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىلارغا بولغان ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇشتا يېڭىلىشىپ، پەرۋىشنى بىلمەي، ئەمدى دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلالىمىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئەسلى دوختۇرخانىلارغا كېتىپ بارىدۇ. ئەسلىدە كېسەللىكنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدۇ. ھەرقانداق كېسەلگە يارىشا ئۇنىڭ داۋاسىمۇ بىرگە يارىتىلغان! ئۇنىڭ داۋاسىنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ تۇپراقتىن تېپىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «ھەرقانداق كېسەلگە دورا-داۋا بار، ئونى تەپنىلگۈچى ھېكىممۇ چىقار، پەقەت ئۆلۈمگىلا داۋا يوق» دېگەن. يۇقىرىقى كۆزقاراش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە ئاساسەن ئېيتىلغان: «ئاللا ھەربىر كېسەلگە ئۇنىڭ دورىسىنىمۇ بىرگە ياراتقان، شۇڭا

بەت 317

داۋالىنىشلار.» ① يېمەك - ئىچمەكتە ئۆلچەملىك بولۇش توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: ئەجەم پادىشاھلىرىدىن بىرى بىر ئۇستا تېۋىپنى مۇھەممەد مۇساغا، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ خىزمىتىگە ئەۋەتكەن ئىدى. تېۋىپ ئەرەب دىيارىدا ساق بىر يىل تۇرغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا كېسەل كۆرسىتىشكە كەلمىگەن ياكى داۋالىنىش چارىلىرىنىمۇ سورىمىغان. ئۇ تېۋىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىپ شىكايەت قىلدى: مېنى بۇ يەرگە ساھابىلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىدى، ئەمما شۇ كۈنگىچە ھېچكىم قېشىمغا كېلىپ كۆرۈنۈشنى خالىمىدى، مەن بەندە تاپشۇرغان خىزمەتنى بەجا كەلتۈرسەم بولمامتى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى: بۇ كىشىلەرنىڭ ئادىتى شۇكى، ئىشتىھاسى غالىب بولمىغىچە ھېچنېمە يېمەيدۇ ۋە ئىشتىھاسى پەسەيتۈرگەنلا قەدەر، تائامدىن قولىنى تارتىپ تۇرىدۇ!» تېۋىپ: «بۇلارنىڭ تېنىنىڭ ساق تۇرغانلىقىغا سەۋەب ئەنە شۇ» دېدى - دە، يەر ئۆپۈپ كېتىپ قالدى. ②

يەنە بىر ھېكمەت: «ئەردەشىر بابكاننىڭ تەرجىمىھالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇ بىر ئەرەب ھېكىمىدىن: بىر كۈندە قانچىلىك تائام يېسە بولار؟ دەپ سوراپتۇ، يۈز دەرھەم ئەتراپىدا يېسە كۇپايە قىلىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېكىم. ئەردەشىر سوراپتۇ: بۇنچىلىك تائام قانچىلىك قۇۋۋەت بېرەر؟ ھېكىم ئېيتىپتۇ: مۇشۇ مىقداردا بولسا سېنى كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭدىن ئارتۇقنى سەن كۆتۈرەلمەيسەن، يەنى شۇنچىلىك تائام سېنى ئۆرە تۇرغۇزىدۇ، بۇنىڭدىن ئارتۇقى ساڭا يۈك بولۇپ قالىدۇ.» ③

بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆلچەملىك، قەرەللىك ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بەزى ئاتا - ئانىلار بوۋاقلاچىلىكمۇ

--- [Footer] ① ئىبنى بەجا، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. ② سەئىدى: «گۈلىستان»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984 - يىل نەشرى، ئۇيغۇرچە، 148 - 149 - بەتلەر. ③ سەئىدى: «گۈلىستان» مىللەتلەر نەشرىياتى 1984 - يىل نەشرى، ئۇيغۇرچە، 150 - بەت. 309

بەت 318

ئاشقا ئەھمەس، بالا تويدۇم دەپ بېشارەت بېرىۋاتسىمۇ، تاكى ھۆ قىلىپ ياندۇرغىچە بىر نەرسە بېرىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ ئويۇن چىققاندا ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ھەتتا كەچكىچە بىر نەرسە يېمەي يۈرىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ ھەم ئىككىسى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ. بوۋاق بالىلارغا چوڭلارغا ئوخشاش ئۈچ ۋاخ تاماق بېرىلمەيدۇ. ئۇلارغا ئاز - ئازدىن بەش - ئالتىە قېتىم نەرسە بېرىش كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ. يەنە بىرى يەڭگىل، ھەزىم قىلىش ئۇڭاي بولغان تاماغلارنى بېرىش كېرەك. يەنە بىرى كالورىيەسى يامان يۇقىرى بولغان تائاملار يەنى قازان تېگىدەك غىزالار بالىلارنى كېسەل قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارنى تېزلا بوداش خىيالىدا بولماسلىق كېرەك. ھەر ئىش نورمال بولغىنى ياخشى.

بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ يېمەك - ئىچمەك دېگەن پەقەت ھاياتلىق ئۈچۈن، ياشاشتىكى مەقسەت يېيىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئۇ بولارغا بېرىلىدىغان قىممەت قارىشىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى ئىگىلىسۇن. بەزى ئادەملەر بۇ دۇنياغا پەقەت يەپ - ئىچىش ئۈچۈنلا يارالغاندەك ھېس قىلىدۇ، ياخشى بىر تونۇۋالسا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، بۇ ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ بەختسىز بىر ھالدۇر. بۇنداق قىممەت قارىشى بىلەن تەربىيەلەنگەن ۋە ياكى شۇنداق تەسىر ئاستىدا چوڭ بولغان بالىلار بارا - بارا گالنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار پۈتۈن ئۆمۈر بويى مانا شۇ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلالماي بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. گۆر توپىسى كۆز چانىقىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئارام تاپىدۇ. ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىممىتى قانداق ئېسىل غىزالارنى يېگەن بىلەن، ئالىي كىيىملەرنى كىيگەن بىلەن، ياسىداق ئۆيلەردە ئولتۇرغان بىلەن، قىممەت باھالىق ماشىنىلاردا ئولتۇرغان بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولسا، دۇنيادا ئادەمدەك زەئىپ، بىچارە مەخلۇق بولمىغان بولىدۇ.

بەت 319

بىز بالىلارنى بۇنداق زەھەر، بىچارە قىممەت قارىشىدىن قەتئىي قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك.

دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشى ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بىراق، جەمئىيىتىمىزدە يەنىلا ئىپتىدائىي ئاڭ بويىچە ئۆزىنى چۈشەندىغان ئادەملەر خېلىلا كۆپ. ئۇلار يەنىلا خۇراپاتلىق بىلەن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرماق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلاۋاتىدۇ، بالىلارنى خۇراپاتلىقنىڭ قۇربانى قىلىۋاتىدۇ. سېھىرگەرلەرنىڭ، داخانلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىپ بارغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭغا قاراپ بىزنىڭ نېمىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىمىزنىمۇ چۈشەنمەي قالىمەن. چۈنكى ئىسلام دىنى خۇراپاتلىققا، سېھىرگەرلەرنىڭ، پالچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان دىن.

«ئاللا تائالادىن ئۆزگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ» (نەمل 65 - ئايەت). بۇ ئايەتتىن مەلۇم بولدىكى، پەرىشتىلەرمۇ، جىنلارمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ ھېچقايسىسى غەيبنى بىلمەيدۇ. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان: «ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان - زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى - يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ)، مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.»① يەنە مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇغان: «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللا تائالانىڭ خەزىنىلىرى بار دېمەيمەن، مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن، مەن بولسام بىر پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن»②.


① «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، سۈرە ئەئراف 188 - ئايەت ② «قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنئام 50 - ئايەت

بەت 320

يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلمىگەن غەيبنى باشقا ئىنسانلارنىڭ بىلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ غەيبنى بىلىمەن دەپ دەۋا قىلىشى ئوچۇق-ئاشكارە دىندىن تانغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنگەن ئادەممۇ دىندىن تانغان ھېسابلىنىدۇ؛ ئىسلام ئەقىدىسىدە «كىمكى بىرەر پالچىنىڭ دېگەن سۆزىگە ئىشەنسە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمدىن تانغان بولىدۇ» دېيىلگەن.

بىلىش كېرەككى، ئىسلام دىنىغا ئەقىدە قىلغان ھەربىر مۆمىن بۇ دۇنيانىڭ ئەسلىي يارىتىلىش قانۇنىيىتىنىڭ ئاللانىڭ ئۆزگەرمەس ئۆزگىرىپ قالمايدىغانلىقى، قازا ۋە قەدەرنىڭ ھەم ھەرگىزمۇ باشقىچە ئۆزگىرىشتە بولۇپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، قۇرئاندا: «ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىنلار ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقات خاراب بولغان بولاتتى.» (سۈرە مۆئمىنۇن 71-ئايەت) بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۈچلۈك دەلىل بولمىسا كېرەك.

دىنىي جەھەتتە بولسۇن، پەننىي جەھەتتە بولسۇن، خۇراپاتلىق بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق بولغان زىياندائاشتۇر. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ خۇراپاتلىقنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىپلا قالماي، بەلكى پەرزەنتلىرىنىمۇ خۇراپاتلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشلىرى كېرەك.

ئۈچىنچى، مېھمانغا چاقىرىشتىكى ئەدەپلەر پەرزەنتلەرنى مېھمانغا بارغاندا رىئايە قىلىدىغان ئەدەپلەرگە ئۆگىتىش مۇھىم بولۇپلا قالماي، بەلكى مېھمان چاقىرىشنىڭ ئەدەب-يوسۇنلىرىنىمۇ ئۆگىتىش مۇھىم.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە مېھمان چاقىرىش توغرىسىدا مۇنداق قىممەتلىك ساۋاقلارنى بەرگەن: «باشقىلارنى مېھمانغا

بەت 321

چاقىرماقچى بولساڭ ئالدى بىلەن پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئاندىن مېھمان چاقىرغىن. قاچا-قۇمۇچ، ئۆي-ئوقەتنى، داستىخانلىرىڭنى ئېرىغ قىل. نازۇ-نېمەتلىرىڭنى مېھمانلىرىڭ زوق بىلەن يېگۈدەك پاكىز ۋە خىل قىلغىن. مېھمان چاقىرمىساڭ، قۇسۇرۇڭ چاقىرمىغانلىق ئەيىبىڭ بىلەن كۆپىيىلىنىدۇ. ئەگەر مېھمان چاقىرىپ كۆڭۈلدىكىدەك كۈتەلمىساڭ، كىشىلەر بۇ قۇسۇرۇڭنى مىڭ قىلىدۇ. مېھمان چاقىرساڭ ئىمكانبار يېمەكلىكلىرىڭ مول بولسۇن.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىرىقى تەۋسىيىلىرىدىن ھەرگىزمۇ يېمەك-ئىچمەكنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق قىلىپ ئىسراپ قىل، دېگەن مەنا چىقمايدۇ. ئۇ تاماقلىرىڭ يەتكۈدەك بولسۇن، ئالدىڭا بار، كېيىنڭە يوق بولۇپ قالسا كىشىلەرنىڭ تىل-ھاقارىتىگە قالىسەن، ئۆيۈڭ، قاچا-قۇمۇچلىرىڭ پاكىز بولمىسا باشقىلار ئالدىدا ئەيىبكە قالىسەن، شۇڭا ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئاندىن مېھمان چاقىرغىن، رەسمىيەت ئۈچۈنلا چاقىرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ قىلغان گەپ-چۆچىكىگە قالما، دەپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ.

كىملەرنى چاقىرىش، كىملەرنى چاقىرماسلىق توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلەيدۇ:

«چاقىرغان ۋاقىتتا دوست-بۇرادەرلىرىڭ، تۇغقان ياكى ياتلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ سېنىدىكى ھەققىگە قاراپ بىردەك تەكلىپ قىل. كېلىدىغانلىرى كېلىدۇ، كەلمەيدىغانلىرى سېنى رەنجىتمەيدۇ. گال رەنجىشى يامان، بۇنداق ئاغرىق قىيامەتكىچە تۈگىمەيدۇ. ئاش-تائاملارنىڭ مېھمانلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە تولۇق يېتىشىگە دىققەت قىل، كېچىكىپ كەلگەنلەر بولسا، ئۇلارغىمۇ ئايرىم تاماق تارتىسەن، مېھمانلار تاماق يەۋاتقاندا ئۇلارغا چاي قويۇپ تۇر، ئىچىلىپ بولسا يەنە لىقلاپ قوي، يېمەك بار يەردە ئىچىملىك بولىدۇ. يېمەك بىلەن ئىچىملىكنى تەڭشەپ تۇرۇش لازىم. يېمەك بار يەردە ئىچىملىك ھازىر بولۇپ تۇرمىسا، ئۇ تاماق يېگۈچىلەر ئۈچۈن غوغا بولىدۇ. شۇڭا مېھمانلار شەربەت خالىسا شەربەت ھازىر[Footer] 313

بەت 322

لا، كۆڭلى مەيزاپ تارتسا شۇنى تەييار قىل. گۈلاب ئىچىشنى خالىسۇن ياكى مېۋە سۈيىدە بولسۇن، كۆڭلى تارتىقانى قويۇپ بېرىپ ئۇلارنى رازى قىل. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ تاۋى نېمىنى خالىسا شۇنىڭغا تەييار تۇرغۇلۇق، ئاش تارتىقاندا چوڭلارغا تارتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كىچىكلەرگە قويۇش كېرەك، ئۇلۇغلارغا بولسۇن، كىچىكلەرگە بولسۇن تاماقنى تولۇق يەتكۈزۈپ تارت. چالا قىلىپ ئاچ قايتىپ، سېنى تىللىمىسۇن. غىزالار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن ھۆل-قۇرۇق يېمىشلەردىن ۋە شىمىشكىلەردىن قوي. ئەگەر جامىڭ يەتسە قەدەم ھەققى ئۈچۈن مۇۋاپىق رەخت يىرتىپ، سۆز-چۆچەكتىن ساقلان. زىياپەتنى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتۇر، قايتىدىغانلار بولسا يولنى توسماي ئۇزىتىپ قوي.»

يۇقىرىقى قائىدە-يوسۇنلار خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى تونۇش. ئۇيغۇر خەلقى مېھمان ئۈچۈن ئۆي تۇتىدۇ، مېھمان ئۈچۈن ئۆي ياسايدۇ. ئەڭ ئېسىل غىزالىرىنى مېھمانلارغا ئېلىپ چىقىدۇ. چوڭلار بىلەن كىچىكلەرنىڭ ئورنى ھەم پەرقلىق بولىدۇ. ھەرگىزمۇ كىچىكلەر تۆردە، چوڭلار پۇگاچتا ئولتۇرۇپ قالمايدۇ.

دىنىي ئىسلامدىمۇ سورۇندا ئولتۇرۇش، سورۇنغا چاقىرىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىسى ئىماننىڭ بىر ساقچىسى سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەقىدە ئۆز دەۋرىدىكى بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورۇنغا كىرگەن ئادەم بىررەسىگە يولسىزلىق قىلىپ ئورنىدىن قوپۇرۇۋېتىپ ئولتۇرۇشنى ئەيىبلىگەن، باشقىلارنىڭ كىرگەن كىشىگە ئورۇن ھازىرلاپ بېرىشىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. «سىلەردىن بىرىڭلار بىر ئادەمنى قوپۇرۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالماڭلار…»① «ئادەمنىڭ ئارىسىنى رۇخسەتسىز ئايرىۋېتىپ ئولتۇرۇۋېلىش توغرا ئەمەس»② بۇنداق قىلىش تەكەببۇرلۇقلا ئەمەس، بەلكى زورۋانلىق بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىدۇ.

① بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. ② ئەبۇداۋۇت، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

بەت 323

سۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋېلىشمۇ ئەدەپسىزلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋالغان ئادەمگە لەنەت قىلغان.

ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان ئىسلامىي سۇرۇندا ئولتۇرۇش يوسۇنلىرى مۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سۇرۇنغا مەدەنىيەت، قاسماق كىيىملەر بىلەن كەلمەسلىك، پاكىز كىيىنىپ كېلىش، كىيىملىرى، پايپاقلىرىدىن سېسىق پۇراق كېلىپ مېھمانلارغا دىلغەشلىك كەلتۈرسە ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە سەت. سۇرۇندا سالاپەتلىك، تەمكىن ئولتۇرۇش، بارماقلىرىنى كىرىشتۈرمەسلىك، بۇرۇنلىرىنى كولىماسلىق، ساقاللىرىنى ئوينىماسلىق، چىشىنى كولىماسلىق، ئەگەر زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا، قولى بىلەن ئېغىزىنى توسۇپ تۇرۇپ چىش كولاش، قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، دماغ قاقماسلىق، تولىمۇ ئاۋازلىق كۈلمەسلىك، چۈشكۈرۈك كەلسە ئىلاجى بار بېسىش، بولمىسا «ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكرى» دېيىش، تەسنەشتىن ساقلىنىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئادەم تەسنىگەندە شەيتان خۇرسەن بولىدۇ، دېگەن. سۇرۇندا يانپاشلاپ ياتماسلىق، پۇتلىرىنى داستىخانغا سونماسلىق، تولا ھەرىكەت قىلماي ئۆزىنى ئولتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئازراق سۆزلەش، سۆزلىگەندە ئورۇنلۇق سۆزلەش، گەپ-سۆز قىلماي بۇرۇقتۇرما ئولتۇرۇۋالماسلىق، ئۆزىنى كۆرسىتىپ پوپاڭلىق قىلىشتىن، ماختىنىشتىن، ھەزىلكەشلىكتىن ساقلىنىش كېرەك، باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا ياقسۇن، ياقمىسۇن ئاڭلاش، گەپكە قوشۇق سالماسلىق، ئومۇمەن سۇرۇندا باشقىلارنىڭ غەزىپىنى، نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىش، ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاشقا تىرىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنە بىرى، ھەرقانداق ۋاستە بىلەن باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك، ساھىبخاننى خىجالەتچىلىكتە قويىدىغان، تەڭسىزلىكتە قويىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماسلىق كېرەك.

تاماق يېگەندە رىئايە قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئەدەپ-قائىدىلەر

بەت 324

بار: (1) تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قولنى پاكىز يۇيۇش، ساھىبخانمۇ مېھمانلارغا سۇ بېرىشى كېرەك. (2) تاماقنى چوقۇم داستىخان ئۈستىگە تەييارلاش لازىم. (3) كەمتەرلىك يۈزىسىدىن يۆكىنىپ ئولتۇرۇش ياكى ئوڭ پۇتنى تىكلەپ ئولتۇرۇش، ھەرگىزمۇ كېرىلىپ، غادايىپ ئولتۇرماسلىق لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكەببۇرلۇق بولۇپ قالمىسۇن دەپ يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېمىگەن. (4) تاماقتىن قۇسۇر، ئەيىب ئىزدەمسلىك، تېتىسا يېيىش، تېتىمىسا يېمەسلىك، قورساقى ئاچ بولسا يېگۈلۈك، توق بولسا ئەيىبنى تاماقتىن قويۇمغۇلۇق، قورساق ئاچقاندا ھەرقانداق تاماق مەززىلىك تېتىيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرگىز تاماقنى ئەيىبلەپ باقمىغان ئىكەن. (5) ئوڭ قول بىلەن يېيىش، ياخشى چايناش، قاچىنىڭ ئالدىدىن يېيىش، ئوتتۇرىسىغا قول تىقماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر ئىبنى سەلەمىگە مۇنداق دېگەن: «ئى بالا، بىسمىللا دە، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يە، ئالدىڭدىن يە» (6) تاماق يېگەندە بارماقلىرىدىكىنى ئوبدان پاكىز يۇيۇتۇش، ئاندىن قولنى سۈرتۈش، قولنى داستىخانغا سۈرتۈپ قويماسلىق. (7) يەرگە چۈشۈپ كەتكەن تاماقنى يېيىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار تامىقى چۈشۈپ كەتسە ئېلىپ بۇلغانغان يېرىنى ئېلىۋېتىپ يېسۇن، تاماقنى شەيتانغا قويۇپ قويمىسۇن. (8) تاماق يېگەندە، چاي ئىچكەندە بولسۇن، قاچىنىڭ ئىچىگە تىنىش ياكى قاچىغا پۈفلەش چەكلىنىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن ھەر خىل مىكروپلوق نەرسىلەر تىنىق ئارقىلىق چىقىدۇ. (9) ئالدىمغا كەلدى دەپ ھەددىدىن ئارتۇق يېۋالماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەم توشقۇزغان قاچىنىڭ ئەڭ يامىنى ئۇنىڭ قورسىقى، ئادەم بالىلىرىغا ئەدەبىنى رۇسلىيالغۇدەك تاماق بولسا يېتەرلىك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرى تاماق ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىك ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى نەپەس

316

بەت 325

ئۈچۈن. (10) چوڭلاردىن ۋە ئۆزۈدىن تاماق تارتىش. (11) تاماققا سورۇندىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى ئاۋۋال قول سېلىپ باشلاپ بېرىشى، ئاندىن باشقىلار ئەگىشىشى لازىم. (12) تاماققا ھەددىدىن ئارتۇق زورلاپ مېھماننى قىيىن ئەھۋالدا قويماسلىق. مېھمانمۇ قورسىقى ئاچ تۇرۇپ، ياسالمىلىق قىلىپ نازلانماسلىقى لازىم. بۇ رىياخورلۇق بولۇپ قالىدۇ. (13) تاماق يېۋاتقاندا باشقىلارغا قارىماسلىق، ئۆزى بىلەن بولۇش. (14) كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماسلىق، لېگەنە قولىنى سىلىكمەسلىك، بېشىنى تاماققا تولىمۇ يېقىن ئەكىلىۋالماسلىق، ئاغزىغا زىيادە ئېلىۋېلىپ، قاچىغا ياندۇرماسلىق. (15) تاماق يېۋاتقاندا كىشىگە بىئاراملىق سالىدىغان نىجىس، مەينەت نەرسىلەر توغرىلىق گەپ قىلماسلىق لازىم. (16) كەمبەغەللەر، قېرىنداشلار بىلەن تاماق يېيىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىش، ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق. (17) تاماق يەپ بولغاندا چېچىلىپ كەتكەنلەرنى تېرىۋېتىش كېرەك، بۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى بولىدۇ.

يۇقىرىقى قائىدە - يوسۇنلارغا ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ، تەربىيە كۆرمىگەن ئادەملەر بۇ قائىدىلەرنى بىلمەي ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدۇ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

مېھمانغا چاقىرىش ۋە ئۇلارنى كۈتۈشتە ئەمەل قىلىدىغان يەنە مۇنداق بىر قانچە ئەدەپ - قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە ئادەتلىنىش كېرەك:

(1) مېھمانغا پاسقىلارنى، بۇزۇقلارنى چاقىرماسلىق، ياخشىلارنى، تەقۋادارلارنى چاقىرىش كېرەك. پاسىق، بۇزۇق، ئەدەپسىز ئادەملەر سورۇننىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدۇ. قىلغان ئىش ئىشتەك بولمايدۇ. مېھمانلار كۆڭۈل ئىزدەپ، كۆڭۈل ئازادلىقىنى تىلەپ كېلىپ، كۆڭلى رەنجىپ قايتىدۇ.

بەت 326

(2) كەمبەغەللەرنى قويۇپ بايلارنى، ئەمەلدارلارنى چاقىرغان مېھماندارچىلىق ئەڭ يامان مېھماندارچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بايلار چاقىرىلىپ، كەمبەغەللەر چاقىرىلمىغان توي ئەڭ يامان تويدۇر»①.

يۇقىرىقى قائىدە توغرىسىدا ئازراق توختىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنىدا مېھمان قىلىش خەير-ئېھساننىڭ بىر ئىپادىسى. شۇ مېھماندارچىلىقتا ساڭا قېرىنداش بولغان، ساڭا دوستلۇق كۆرسەتكەن، سېنى ھۆرمەتلىگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەققى بار. بايلارنى، باشلىقلارنى چاقىرىپ، كەمبەغەللەرنى چاقىرماسلىق، بۇ مېھماندارچىلىق ئەمەس، بەلكى خۇشامەت ۋە قۇلچىلىق بولىدۇ. تەماخورلۇق ئاساسىغا قۇرۇلغان مېھماندارچىلىق ھارامدۇر. بەزى كىشىلەر ئۆزىگە سېلىنغان داستىخاننىڭ مەقسەتلىك سېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېگىگە خۇشامەت، تەما يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەيدۇ. بۇنداق تاماقمۇ ھالال بولمايدۇ.

(3) مېھمان كۈتكۈچى مېھمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك، بىرىگە ئاجايىپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، كۆچۈكلەنسە، يەنە بىرىگە ئېتىبار بەرمىسە ياكى ئۇنى مەنسىتمىسە بۇمۇ دۇرۇس مېھماندارچىلىق بولمايدۇ. مېھمانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش نەزەر بىلەن قاراش، ئۇلارغا ئوخشاش غىزا تارتىش، ئەمەلدارلارغا ياكى مۆتىۋەر ئادەمگە چوڭ لوقما، ئاياغدا، پەگادا ئولتۇرغانلارغا كىچىكرەك لوقما تارتىلسا، ئۇنداق مېھماندارچىلىق نۆلگە تەڭ. جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق پەرقلەندۈرۈش ئومۇمىيىلىككە ئايلىنىپ كەتتى. كىشىلەرمۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتى. مېھمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇش غەيرىي تۇيۇلىدىغان بولۇپ كەتتى. بىر قېتىم بىزنىڭ بىر يېقىن تۇغقىنىمىز ئۆيىگە مېھمان چاقىرىلدى. ئۇلارغا گۆش تارتىلىدىغان چاغدا تور تەرەپكە تارتىلىدىغان گۆش قوش

① بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. 318

بەت 327

مۇشتۇمدەك راسلاندى، ئاياغ تەرەپتە ئولتۇرغان مېھمانلارغا تارتىلدىغان گۆش مۇشتۇمدەك راسلاندى. بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. مەن ئىككى لېگەندىكى گۆشنى ئەكىرىپ ئوتتۇرىغىلا قويۇپ قويۇپ، مېھمانلارنى گۆشكە تەكلىپ قىلىپ يېنىپ چىقتىم. قايتىپ چىققاندا يەنە بىر تاغام لېگەن قېنى دەپ سورىدى. مەن ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم دېسەم، «بۇ قانداق ئىشلار، مۇشۇنداق ئادەممۇ داستىخان سالدۇرامدۇ» دەپ كايىپ كەتتى. مەن باشقا گەپ قىلماي: سىز مېھماندارچىلىقنى ھارامغا تارتىقان ئىككىڭىز، مەن ھالاللاشتۇردۇم دېدىم. يەنە بەزى مېھماندارچىلىقلاردا، مەلۇم بىر ئېناۋەتلىك ئادەمنى ھە دېگەندە ئايرىم تائامغا تەكلىپ قىلىپ، باشقىلارغا ئېتىبار قىلمايدىغان، ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ ئۆ ئاتالمىش ئېناۋەتلىك، ھۆرمەتلىك كىشىگە ئايرىم لۇقما ئېلىپ كېلىپ بېرىدىغان يامان ئادەتلەر بار. بۇمۇ ئەدەپكە يات ئىشلاردىندۇر. شۇڭا مېھمانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىشىسلا، بېقىشىسلا دەپ ئورتاق تاماقتىن كېلىپ قىلىش لازىم.

(4) مېھماندارچىلىق ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىشنى، ماختىنىشنى مەقسەت قىلماسلىق كېرەك. مانا مۇشۇنداق يامان نىيەت ئىسراپچىلىق، ھەشەمەتچىلىك، بۇزۇپ - چېچىشنىڭ ئانىسى.

(5) چاقىرىلغان جايغا بېرىش، چاقىرىلمىغان جايغا بارماسلىق. چاقىرىلغان جايغا ۋاقتىدا بېرىش مېھمانلارنى، ساھىبخاننى ئارتۇق كۈتكۈزمەسلىك كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تەكلىپ قىلىنغان كىشى بارسۇن»① دېگەن. بايلار چاقىرسا دوپپىسىنى چۆشۈپ قېلىشىغا قارىماي يۈگۈرۈش، نامرات چاقىرسا بارماسلىق تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقتۇر. بولسا ئەھۋال كەمبەغەللەرنىڭكىگە بېرىپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش تولىمۇ ياخشى مەقبۇل.

① بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. 319

بەت 328

ئىشلاردىندۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېھمانغا چاقىرىدىغان ۋە مېھمانغا بارىدىغان ئادەملەرنىڭ پەزىلىتىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق تۆت تۈرگە بۆلۈپ بايان قىلغان: «بىر خىلى، ئۆزىلا يەپ - ئىچىپ مېھمان چاقىرمايدۇ. باشقىلار چاقىرسا بارىدۇ. نېمە تارتسا ئويالماي يەپ ئىچىدۇ. ئىككىنچى خىلى، چاقىرغان يەرگە بېرىپ مېھمان بولىدۇ ھەم ئۆزىمۇ جاۋابەن مېھمان چاقىرىدۇ. ئۈچىنچى خىلى، چاقىرغان يەرگىمۇ بارمايدۇ، ئۆزىمۇ ئۆيىگە مېھمان تەكلىپ قىلمايدۇ. بۇنداق ئادەمنى تىرىك ھېسابلانما ھەم ئۆنداق ئادەمگە قوشۇلۇپ تىرىكچىلىك قىلما. تۆتىنچى خىل كىشىلەر شۇكى، تەكلىپ قىلىنغان يەرگە بېرىشنى خالىمايدۇ، ئۆزى بولسا مېھمانلارنى چاقىرىپ، مال سويۇپ ئوبدان كۈتىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن ئەڭ ئېسىلى مانا شۇ، بۇنداق ئادەت ھەتتا دانالارنىڭمۇ ماختىشىغا سازاۋەردۇر. شۇڭا زۆرۈر يەرگە بارغىن، گال ئۈچۈن زۆرۈرىيەتسىز جايغا بېرىپ ئۆزۈڭنى خار قىلما.»

يۇقىرىقى بايانلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە مېھمانغا بارمايدىغان، ئۆزى مېھمان چاقىرىدىغان ئادەمنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭمۇ ئىككى تەرىپى بار: بىرى، ئەگەر ئۇ ئادەم شۇ سورۇنغا بېرىپ ئورتاقلىشىشقا بولمايدىغان پاسىق ئادەملەر بولسا بارماي دەپ ياكى ۋاقىتنى بىكاردىن ئىسراپ قىلماي دېگەن نىيەتتە بولۇپ بارمىسا يوللۇق. يەنە بىرى، ئەگەر ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ياكى بولمىسا چاقىرغۇچىنى ياراتمىغانلىق سەۋەبلىك بارمىسا يوللۇق بولمايدۇ. چاقىرغۇچىنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. ئارىمىزدىكى مېھىر - مۇھەببەتكە تەسىر يېتىدۇ.

يۇقىرىقى ئەدەپ - قائىدىلەردىن باشقا، يەنە سەپەردىكى ئەدەپ - قائىدىلەر، ئۆلۈم - يېتىملەردىكى ئەدەپ - قائىدىلەر، كېسەل يوقلاشتىكى ئەدەپ - قائىدىلەر، كىيىنىشتىكى ئەدەپ - قائىدىلەر، تازىلىق قىلىشنىڭ ئەدەپ - قائىدىسى، ئۇخلاشنىڭ

بەت 329

ئەدەپ قائىدىسى قاتارلىق يوسۇنلار توغرىسىدا «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا» دېگەن كىتابىم بىلەن «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابىمدا تەپسىلىي توختالغاچقا بۇ يەردە قەلەم تەۋرەتمىدىم.

ئومۇمەن ئالغاندا، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزىدە ياخشى ئەدەپ - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنلارنى يېتىلدۈرۈشى پەرزەنتلەرنىڭ قائىدە - يوسۇنلۇق، ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل، قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىدىن سىرتتا قېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم. مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، پەرزەنتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئەدەپ - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنسىز ھەرگىزمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولمايدۇ؛ بىزگە قائىدە - يوسۇنسىز، پەزىلەتسىز ئەقىللىق بالىلار كېرەك ئەمەس، پەزىلەتسىز، قائىدە - يوسۇنسىز بالىلارنىڭ ئەقىللىق بالا بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

321

بەت 330

ئون بىرىنچى باب: پەزىلەت تەربىيىسى

ئۇيغۇرلار پەزىلەتلىك مىللەت. مانا شۇ پەزىلىتى بىلەن قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ باشقا قەۋملەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ۋە ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن. ئۇيغۇر خەلقى ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئۆزلىرىنى ھەرقانداق بىر قەۋمدىن شەەرەپلىك، پەخىرلىك ئورۇنغا قويالغان. مەھمۇد قەشقەرى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مۇنۇ ئۇچۇر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ئۇلۇغلۇق تاجىنى كىيىشى ئۇلارنىڭ پەزىلەت جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى چاك كىرمەيدىغان دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن:

«بىز <تۈرك> دېگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان دېدۇق. چۈنكى قەشقەرلىك خەلەف ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىننىڭ <ئىبنىلفەرقى> دەپ تونۇلغان ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە <ئىبنى ئەبى دۇنيا> دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئەل شەيخ ئەبۇبەكرى مۇفىد دېگەن جەۋھەرالھەق ئۇستاز ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ، مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم. ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. بىرەر قەۋمگە غەزەپلەنسەم تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن.» ①

① «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم، 456 - بەت.

322

بەت 331

بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ئوچۇق چىراي، ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددىي - ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرد ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان - ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە. شۇڭا شېئىردا مۇنداق كەلگەن:

قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا، خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ: بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.①

پەزىلەتلىك ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق مىللەت ھەرگىز يېڭىلمەيدۇ ھەم يوقالمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى يۇقىرىقىدەك بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز دەۋرىدە غالىبلىق تۇغىنى نەچچە مىڭ يىل قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى شۇنداق زور ۋە دەھشەتلىك تارىخىي زەربىلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق بىر پۈتۈن مىللىي بىرلىكىنى ساقلاپ، مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى پۇختىلاپ كەلگەن ئاساسىي كۈچ ھېچقاچان سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي قۇدرەت ئەمەس، بەلكى ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇستەھكەم مەركىزى تۈۋرۈك يەنىلا ئەخلاق - پەزىلەت تۈۋرۈكىدۇر. ئەگەر مىللەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ مەركىزى تۈۋرۈكنى

① «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 - يىلى نەشرى، 1 - توم، 457 - بەت. 323

بەت 332

كۆمپەيكۇم قىلىۋېتىدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى يوقاتقان بولىدۇ. تارىختا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقمۇ مىللەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈك قۇرۇلمىسىنى گۇمران قىلىۋېتەلىگەن ئەمەس. بىلىمسىزلىك، نادانلىقمۇ ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقى 13-ئەسىردىن تارتىپ 20-ئەسىرگىچە ئىقتىسادىي جەھەتتە روناق تېپىپ باقمىدى، ئىلىم-مەرىپەت جەھەتتە مۇنتىزىم، سىستېمىلىق تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدى. شۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇپ، مىللەت قايسى كۈچكە تايىنىپ شۇنچە زور بالايىئاپەتلەر، سىياسىي كۆرەشلەر، دىنىي توقۇنۇشلار داۋامىدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمىدى، نېمە ئۈچۈن مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي روھنى ساقلاپ كېلەلىدى؟ بۇنىڭدا رول ئوينىغان ئاساسىي يادرولۇق سەۋەب ئۇيغۇر خەلقى ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيىسىگە ھەرگىزمۇ سەل قارىمىغان، ئۇلار ھەرقانداق مۈشكۈل ۋە ھەرقانداق شارائىتتا پەرزەنتلىرىگە ئەنئەنىۋى پەزىلەت تەربىيىسى بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. بۇ سەۋەب تېبىقىدىن تارتىپ تۆۋەن تەبىقىگىچە بولغان جەمئىيەتنىڭ ھەممە تەبىقىسى پەزىلەت تەربىيىسى ئىشىدا مەسئۇلىيەتتىن ھەرگىزمۇ قاچمىغان. شۇڭىمۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىمۇ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان تېما ئەخلاق تېمىسى بولدى. خاس ئەخلاق تېمىسىدىكى ئەسەرلەرمۇ ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۈزۈلمەي يېزىلىپ تۇردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، ناۋائىينىڭ «ھەيرەتۇل ئەبرار»، «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»، خاراباتىنىڭ «مەسنەۋى خاراباتى»، مۇھەممەد سىدىق رەشىدىنىڭ «سەدىقنامە»، مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ «رىسالەئى كاسىپدار»، ئاماننىساخان يازغان «ئەخلاقى جەمىلە» قاتارلىق ئەسەرلەر مەخسۇس پەرزەنتلەرنى پەزىلەت جەھەتتە تەربىيىلەش ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەرلەر ئىدى.

«قۇتادغۇ بىلىك» ئۇ مەلۇم نۇقتىدا ئەخلاق-پەزىلەت كىتابى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھتىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالغىچە ھەممە تەبىقىگە ناھايىتى قاتتىق ئەخلاقىي تەلەپلەرنى قويغانلىقى، مىللىي

بەت 333

ئەخلاقنىڭ بارلىق ساھەلىرى بويىچە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. جۈملىدىن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ خاس ئائىلە تەربىيىسىگە ئاتالغان سەھىپىلىرىدىمۇ پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

  1. نەسىھەت ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ئۈلگىلىرىدىن بىرى نەسىھەت تەربىيىسى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولسۇن، مەكتەپ تەربىيىسىدە بولسۇن، ئائام مائارىپىدا بولسۇن ئەڭ ئومۇملاشقان تەلىم-تەربىيە ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. گەرچە ھەممە دەۋردە ۋە ھەممە مىللەتتە نەسىھەت تەربىيىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىدە خېلى زور پەرق بولىدۇ. ھەربىر ئائىلىگە نىسبەتەنمۇ ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك، تەربىيە كۆرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەرگەن نەسىھىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتى بىلەن ساپاسى تۆۋەن، پەزىلەتسىز ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرىغا بەرگەن نەسىھىتىنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بولىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپ پەرزەنتلىرىگە ناھايىتى ساغلام، ئىلغار مەزمۇندا نەسىھەت تەربىيىسى بېرىشنى ھەر قاچان ئۆزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا ھەتتا نەسىھەت تەربىيىسىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل، سىستېمىلىق مەزمۇنىمۇ ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان ۋە ئەنئەنىگە ئايلانغان. «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپىدا نەسىھەت تەربىيىسىنىڭ ئەڭ ياخشى، ئىلغار، باي مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن قەدىمكى ئۈلگىلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەسىھەت تەربىيىسىدە ئاساس بولغان ئىدىيىۋى مەنبە ئىككى، بىرى ئەنئەنە، يەنە بىرى، دىنىي ئېتىقاد. ئىسلام دىنى ئەقىدىسىدە پەرزەنت تەربىيىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تەلەپ قويىدۇ. بۇ خۇسۇستا قۇرئاندا لۇقمان ھەكىمنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان نەسىھىتىنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق

بەت 334

ئىنسانلارغا پەرزەنتلەرگە بېرىدىغان نەسىھەتنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: «ئەي ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسۇغىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى غەرزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ.) بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرا دە تىكلىشىكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر. كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللا ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.» (لۇقمان سۈرىسى 16 - 18 - ئايەت) يۇقىرىقى نەسىھەت پەرزەنتلەرگە بېرىدىغان پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ ئەڭ جەۋھىرى بولۇپ، بارلىق نەسىھەت تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى يۇقىرىقى نەسىھەتنىڭ مەزمۇنىغا جەم قىلىنغان.

قاراخانىيلاردا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىقى دەۋەت پۈتۈن ئائىلىلەرگىچە يەتكەن. ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقى دەۋەتكە ئاساسەن بالىلىرىنى ياخشى ئادەم بولۇشقا، يامانلىقتىن قېچىشقا، ياخشىلىق قىلىشقا، ياراملىق ئادەم بولۇش، يارامسىزلىقنى ئۆزىدىن كەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ، نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. بىز بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىلىرىنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى نەسىھەت تەربىيىسىدىن ئوچۇق كۆرەلەيمىز. ئەسەردە ئەڭ پەزىلەتلىك، ئىقتىدارلىق، پەرزەنت تەربىيىسىدە مول تەجرىبىگە ئىگە پېداگوگ ئايتولدىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇ ئارقىلىق پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ خاسىيىتى ۋە ئۈلگىسىدىن ۋاقىپلاندۇرىدۇ. ئايتولدى ئەتراپلىق تەربىيە كۆرگەن، ئىنتايىن پەزىلەتلىك، ئىقتىدارلىق دادا. ئۇ شۇنداق پەزىلىتى بىلەن كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ پەزىلىتى مۇنداق تەرىپلىنىدۇ: «ناھايىتى يىراق بىر ئاۋۇلدا ئايتولدى ئاتلىق ھەر جەھەتتىن توشقان بىر كىشى ياشايتتى، ئۇ ئوغلان شۇنچىلىك قامەتلىك، كېلىشكەن يىگىت ئىدىكى، ئەقىل-ئىدراكتە،

بەت 335

ئىلىم - بىلىمدە جاھاننىڭ يەكتاسى، ئەدەپ - ئەخلاقتا زاماننىڭ يىگانىسى ئىدى. سۆزلىسە تىلىدىن ھەقىقەت تاماتتى، چىرايلىق ھۆسنىگە قارسا كۆز قامشاتتى. ئۇ پۈتۈن پەزىلەتنى ئۆز ۋۇجۇدىغا يىغىپ ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ساھىبىغا ئايلانغان ئىدى» (462 - 465). ئۇ شۇنداق قابىلىيىتى بىلەن كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ پۈتۈن پەزىلەتلەرنى ھەم ئوغلىغا ئۆگىتىدۇ.

ئايتولدىنىڭ ئۆگدۈلمىش دېگەن بىر ئوغلى بولۇپ، ئايتولدى ئۇ ئوغلىغا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەربىيىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھىتى ۋە ۋەسىيەتلىرى ئىنتايىن ئەتراپلىق بولۇپ، كىشىلىك ھاياتتا دۇچ كېلىدىغان، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان، ئەمەل قىلىش پەرز ھەم قەرز بولغان نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق نەسىھەت تەربىيىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نەسىھەتلەر ئۆلگىسىنى ھەربىر ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرىگە دەستۇر قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى شۇ يۆنىلىش بىلەن تەربىيىلىگەندە چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  1. ئەقىدە تەربىيىسى پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ يادروسى

قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلار مەلۇم بىر ئەقىدىگە باغلىنىپ ياشاپ كېلىشتى. ئۇ ئەقىدىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەقىدىسىز مىللەت، ئەقىدىسىز ئادەم بولمايدۇ. ئەقىدىسىز ئادەممۇ ئادەم ھېسابلانمايدۇ. ئەقىدە - ئېتىقادسىز ئادەم يېپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك، بوراندا قالغان قاغىدەك نە نىشانى ۋە نە قارارى بولمايدۇ. بىرەر ئەقىدىگە باغلانمىغان ھاياتنىڭمۇ مەنىسى ۋە مەززىسى بولمايدۇ.

11 - ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ماھارىپىدا بولسۇن، مەكتەپ - مەدرىس ماھارىپىدا بولسۇن تەلىم - تەربىيىنىڭ مەركىزىدە

بەت 336

«تەۋھىد» مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيتتى. شۇڭا پەرەزەنت تەربىيىسىگە قويغان مۇھىم تەلەپلەرنىڭ بىرىمۇ پەرەزەنتلەرنىڭ قەلبىگە پاك ئېتىقاد - ئېتىقاد شامىنى يورۇتۇپ، قەلب ئىشىكىنى خۇدا ئۈچۈن ئېچىش ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بېشىمۇ ۋە ئاخىرلىشىشىمۇ خۇدانىڭ نامى بىلەن باشلىنىپ، خۇدانىڭ نامىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئەسەرنىمۇ ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يازغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھىتىنىڭ ئىچكىنى «تەۋھىد» بىلەن ئاچىدۇ: بالام پاكلىق بىلەن ياشاپ دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل، ئۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاساس سال، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللانىڭ ھۆكۈمى. سەن دىلىڭنى تۈز تۇتۇپ ئاللاغا ئىشەن. ئۇنىڭ قۇللۇقىنى بەجاندىل ئادا قىل. ھەرقانداق تىلەك-ئارزۇلىرىڭ بولسا خۇدادىن تىلە، ساڭا خۇدادىن باشقا مەدەتكار يوق. ئۇنىڭ قانداق يارلىقى بولسا قەدىرلەپ ئىشقا ئاشۇرغىن، ئۆمۈر سېپىنى قىيامەت كۈنى قەدىرلەيدۇ.» (1278 - 1280)

ئەقىدە - ئېتىقاد بۈيۈك كۈچ، ئۇ كىشىلەرگە ھالاللىق، پاكلىق، ساداقەت، ۋاپادارلىق ئاتا قىلىدۇ، جاسارەت ۋە قەيسەرلىك بېرىدۇ. ئەقىدە - ئېتىقاد بولمىغان ئادەمدە پەزىلەت بولمايدۇ، ھايامۇ، نومۇسمۇ، ۋىجدانمۇ بولمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقىدە - ئېتىقادسىز ئادەمنى ھايۋان دەپ ئاتىغان. ئەقىدىلىك ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس ھەققانىيەت ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن، ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياشايدۇ. ئەقىدىسىز ئادەم خۇددى ھايۋاندەكلا يەپ - ئىچىش ئۈچۈنلا ياشايدۇ. ئۇ شۇ نەپسى ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىل - قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. ئۇلارنىڭ غېمىمۇ ئۆزى، دەرد - ھەسرىتىمۇ گېلى، خۇددى «جاھاننى سەل باسسا تەرەپ - تەرەپتە، ئىشەكنىڭ غېمى بولۇرمىش ھەلەپتە» دېگەندەك. ئۇنىڭ رەزىل نەپسى كاپالەتكە ئىگە بولسىلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى بىلەن پەرۋايى پەلەك. ئۇ گال ئۈچۈن باشقىلارغا سالام قىلىدۇ، گال ئۈچۈن ئېگىلىپ،

بەت 337

يۈكۈلدۇ، گال ئۈچۈن ھەم قان تۆكىدۇ. ئۇنداق بالا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان، ھالاك بولغان بالىدۇركى، ئاتا - ئانا ئۇنىڭ ھالاكىتىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچىسىدۇر.

پاك، ساغلام ئەقىدىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەقىدىسىز ئادەملەردە ھەرگىزمۇ بىرلىك بولمايدۇ، ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئۇلار ھەر قاچان پىتنە - پاسات ئۇرۇقىنى چېچىپ، نىزا - ئاداۋەت قوزغاپ تۇرىدۇ، كۆرەلمەسلىك ئوتى لاۋۇلداپ يانغاندا تۆھمەت ياسىنى چىقىرىپ، بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ كۆكرىكىنى پارىلايدۇ. ئەقىدىلىك ئادەمدە شەپقەت بولىدۇ، مېھرىبانلىق بولىدۇ، ئەقىدىسىز ئادەمدە شەپقەتسىزلىك ۋە ياۋۇزلۇق بولىدۇ. تەرەققىي تاپقان، پەزىلەتلىك، تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەن جەمئىيەتنىڭ بىر ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئۇ جەمئىيەت كىشىلىرى مەلۇم بايراقتىن ئاستىغا مەھكەم ئۇيۇشقان بولىدۇ. جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىشىش، ئۆچمەنلىك، نىزا - ئاداۋەت ئەقىدىسىزلىك تۇغدۇرغان شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسىخورلۇقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەقىدىدىن مەھرۇم بولغان ئادەم ئىنسان ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئالىيجاناب تۇيغۇلىرى ۋە ئۇلۇغۋار غايىلىرى ئۆلۈپ، پەس ئارزۇ ھەۋەسلا قالىدۇ. ئۇ تۇيغۇلار شەخسنى كېرىكتىن چىقىرىپ، جەمئىيەت بىناسىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان، قەلبىدە ئالىيجاناب تۇيغۇ ئويغىتىدىغان، ئادەم كۆرگەن - كۆرمىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى يامان ئىشلاردىن چەكلەپ، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ تۇرىدىغان كۈچ نېمە؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەسىلىگە: ئەقىدىگە تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە قانۇن - تۈزۈمنى كۈچەيتىش دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

دەرۋەقە قانۇن يەككە ھالدىلا ئىنساننىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلالمايدۇ. گەرچە ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا، قەلبىگە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ.

329

بەت 338

لاشتۇرۇش ۋە تاشقى پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىسىمۇ، لېكىن قەلبىدىكى تۇيغۇلارنى ئىنتىزاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئالىيجانابلاشتۇرۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى قانۇننىڭ كۈچى ئاشكارا زاھىر بولغان ئىشلارنى تەرتىپلىشىكە، ئەدەپلەشكە ئۆتىدۇ. مەخپىي، خۇسۇسىي، قەلبىدىن چىققان ئىشلارغا جامى يەتمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قانۇننى ئادەم باشقۇرغان بولغاچقا، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالماق ئۇتۇق.

ھازىرقى يەنە بەزى مۇلاھىزىلەردە كىشىلەر ئىلىم-پەن بىلەن قوراللىنىپ مەدەنىيەتلەشكەن كىشىلەر پەزىلەتلىك بولۇپ كېتىدۇ، پەزىلەتسىزلىك نادانلىقتىن بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئىلىم-پەن ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنى پەزىلەتلىك قىلىۋېتەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، نى-نى پەزىلەتسىز «ئۇلۇغ» ئالىملارمۇ بارغۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئىلىم-پەن ئىككى بىسلىق قورالغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشلى بولغانغا ئوخشاش، ۋەيران قىلىشقىمۇ ئىشلىتىشلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئەقىدىنىڭ ئىنسان پەزىلىتىدە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇ قەلبكە كىرىپ قانلاردا ئاقىدۇ، ۋۇجۇت قەسرىدە ئەڭ سالاپەتلىك قوغدىغۇچى بولىدۇ. ئۇ ھەر قاچان پەزىلەتكە چاقىرىپ تۇرىدۇ، پەزىلەتكە يات بولغان ئىشلاردىن چەكلەپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە ئەخلاق-پەزىلەت پرىنسىپلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ، يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-پائالىيەتلەرگە نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ. توغرا، ھالال ئادەم بولۇشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ، يامان يول، يامان كويلاردا ئۆزىنى بولغاشتىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇرىدۇ. ئەقىدە سۇسلاشسا ساداقەت سۇسلىشىدۇ، ئەقىدە چىڭىسا ساداقەت مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم مۇتەپەككۇرلار «ئەقىدە بولمىغان يەردە ئەخلاقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەخلاق بولمىغان يەردە قانۇننىڭ كۈچىمۇ بولمايدۇ» دېيىشتىمۇ يۇقىرىدۇ.

بەت 339

دەك باغلىنىشقا ئاساسلانغان. دېمەك ئەقىدە قەلبنىڭ سۇبيېكتى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. بىر ھەدەستە كۆرسىتىلىشىچە: «قەلبىڭدىن پەتۋا سورىغىن، كىشىلەر مەيلى ساڭا پەتۋا بەرسۇن، بەرمىسۇن» دېيىلگەن. يەنە بىر ھەدەستە رەسۇلۇللاھ ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا سوئال سورىغۇچىغا: «ياخشىلىق دېگەن ئارغۇنلار يول چىقىرىپ بەرسىمۇ كۆڭۈل توختىيالمايدىغان، دىل تىنچلانمايدىغان نەرسىدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن، ئەقىدىلىك ئادەم يامانلىق قىلىشتىن قورقىدۇ، ئاشكارىمۇ، يوشۇرۇنمۇ يامانلىق قىلمايدۇ. ئەقىدىسىز ئادەم ئاستە تاللىماي يامانلىق قىلىۋېرىدۇ. قانۇن تەقىپ قىلسا يوشۇرۇن قىلىدۇ. قەلبىتىكى كېسەللىكنى تېببىيدىن داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئۇنى پەقەت ئەقىدە يولى بىلەن داۋالاش مۇمكىن. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقىدىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بىلەن قارىغان.

  1. مال - دۇنياغا كۆپ ھېرىسمەن بولما، ياخشىلىقنىڭ بەندىسى بول

ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە: بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئۇرما، كىشىلەرنىڭ مېلىنى زورلۇق - زومبۇلۇق بىلەن تارتىپ ئالما. مەن يىغىشنى بىلىپتىمەن، يېيىشنى بىلمەپتىمەن. پۇشايمان بىلەن كۈنلىرىم ئۆتتى. ئەمدى بۇ پۇشايماندىن ھېچقانداق پايدا تاپمىدىم. ئەمدى مال - مۈلكۈم مەن ئۈچۈن يۈك بولۇپ ساڭا قالدى. سەن ئەمدى ئۇنى مەززە قىلىپ يېگىن. مال - دۇنيانى توغرىلىق بىلەن ئىشلەتكىن، ئەگەر تۇتۇشنى بىلسەڭ، بۇ توپلانغان مۈلۈك ھەر ئىككى دۇنيادا يۈزۈڭنى يورۇق قىلىشقا يارايدۇ، ئەگەر مال - دۇنيالىرىڭنى تۇتۇشنى بىلمىسەڭ، ھەرقانچە كۆپ مال - دۇنيالىرىڭ بولسىمۇ، ئۇ تۈگەيدۇ، ھەر ئىككى دۇنيادا يۈزۈڭنى يەرگە قارتىدۇ، (1284 - 1288) چىقىم قىلساڭ كىرىمىڭگە قاراپ چىقىم قىل. (825) دەيدۇ.

بەت 340

يۇقىرىقى نەسىھەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپىدا بولسۇن، ئاۋام مائارىپىدا بولسۇن ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان ئەخلاقىي تەلىم - تەربىيىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى. بۇ خىل تەلىم - تەربىيە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئەسەرلەردە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ يۇقىرىقى تەربىيىنىڭ ناھايىتى پىشقان ۋە ئىخچام يەكۈنلەنگەن نەمۇنىلىرىنى كۆرىمىز:

«زامان ئۆتەر كىشى تويماس، ئادەم بالىسى مەڭگۈ قالماس» («تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم، 62 - بەت).

يۇقىرىقى ماقالدا ئىنسان تەبىئىتىدىكى نازۇك بىر ئاجىزلىق ئەكس ئېتىدۇ. يەنى زامان ئۆتۈۋېرىدۇ، لېكىن ئۇ ئادەم بالىسىنىڭ كۆزىنى ھەرگىزمۇ تولدۇرالمايدۇ. بىراق ئادەم مال - دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنداق ئورۇيدۇ. بىراق ئۆمۈر بويى مال - دۇنيا توپلايدۇ، ئاخىرى ئۆزى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. بۇ مەنىنى قەدىمكى ئىنسان تەبىئىتىگە تەتبىقلاپ بايان قىلىدۇ: «بىر ئادەمنىڭ ئىككى يىلغا مېلى بولسا، ئۈچىنچى يىلغا مېلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئادەم بالىسىنىڭ كۆزىنى گۆر توپىسىدىن باشقا نەرسە تولدۇرالمايدۇ» (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) «زورلۇق - زومبۇلۇق ئىشىكتىن كىرسە، ئىنساپ ۋە قائىدە - يوسۇن تۆشۈكتىن چىقار» («تۈركىي تىللار دىۋانى» 3 - توم 166 - بەت). بۇ ماقال ئايتولدىنىڭ ئوغلىغا دېگەن: باشقىلارنىڭ مېلىنى زورلۇق قىلىپ تارتىپ ئالما» دېگەن گېپىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىپادىلەيدۇ. قەيەردە زورلۇق - زومبۇلۇق ھۆكۈم سۈرىدىكەن، ئۇ يەردە ئىنساپ دېگەندىن، قائىدە - يوسۇن دېگەندىن، ئىنسانىي پەزىلەتتىن ئەسەر قالمايدۇ. چۈنكى زورلۇق - زومبۇلۇق نېپسىانىيەتچىلىكنىڭ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى بولۇپ، شۇنداق ئادەم قائىدە - يوسۇننى پىسەنتىگە ئالمايدۇ، ئىنساپ دېگەننى بىلمەيدۇ. قائىدە - يوسۇنلۇق، ئىنساپلىق ئادەمدە زورلۇق - زومبۇلۇق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئايتولدى بالىسىغا ئىنس…

بەت 341

ساپلىق، قائىدە - يوسۇنلۇق ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقى چىقىدۇ.

ئۇستاز ئەلىشىر ناۋائىي مۇنداق دەيدۇ: «مال - دۇنيا يىغىپ ئۇنى يېيىشنى بىلمىگەنلەر بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدا نېمە پەرق بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق كەم دېسىمۇ بولىدۇ - يوق، ئەمما ئەقىل ئىشلەتكەندە تولىمۇ چوڭ پەرق بار» («سەددى ئىسكەندەر» دىن). «بايلار تىرىكلىكىدە ئېھسان بىلەن كىشىلەر كۆڭلىنى شاد قىلمىسا، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنى ھېچكىم ياد قىلمايدۇ. ئېھسان تىرىكلىكىدە ياخشى ئاتتۇر. ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخ ئوتىدىن نىجاتلىقتۇر» («مەھبۇبۇلقۇلۇب»).

ئەھمەد يۈكنەكى مۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ: «ھەي دوستۇم، ماختىساڭ مەردنى ماختىغىن، بېخىلغا يا ئوقنى چاك بەتلىگىن. ھەم تىل مەردلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ. مەردلىك ھەممە ئەيىبلەرنىڭ كىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. ئېگىلمەس تۈگۈننى مەردلىك يېشىدۇ، يەتكىلى بولمايدىغان مۇراققا مەردلىك يېتىدۇ. مەردلەر مال - دۇنياسىنى بىلىم بىلەن تەڭشىتى، ئۇلار مىسكىنلەرگە غەمگۈزار بولۇپ، ياخشى نام قالدۇرۇپ كەتتى. بېخىل ھارامدىن نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش توپلىدى، ئۆزىگە گۇناھ ۋە قارغىش يۈكلەپ كەتتى. ئۇنىڭ مېلىدىن ئۇنىڭغا تەگكىنى پەقەت پۇشايمان بولدى.» ئەلىشىر ناۋائىي يەنە بۇ خۇسۇستا: «ئىسراپچىلىق ساخاۋەت ئەمەس، بۇزۇپ چاچقاننى مەنى ئەھلى سېخىيلىق دېمەس. خۇدا بەرگەننى كۆيدۈرگەننى دىۋانە دەيدۇ، كۈندۈزدە شام ياققاننى ئەقىلدىن بېگەنە دەيدۇ.» («مەھبۇبۇلقۇلۇب»).

ئەجدادلار نېمە ئۈچۈن بىر تەرەپتىن، سېخىيلىقنى ماختايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، مال - دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكنى قارىلايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئىسراپچىلىقنى سۆكىدۇ؟ ئادەمنى ھەر كۇيغا سالىدىغان ئېزىتقۇ مال - دۇنيا ھېرىسمەنلىكى ۋە مال - دۇنيا قۇلچىلىقىدۇر. ئۇ ئادەمنى نامەردلىككە باشلايدۇ، مەردلىك نامنى

333

بەت 342

يۇيۇۋېتىدۇ. ئۇ، ھەم ئادەمگە قۇللۇق بويۇنتۇرۇقىنى سېلىپ، ئەل - جامائەت ئارىسىدا سازايى قىلىشقا يارايدۇ. ھەرقانداق قۇللۇق ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن، بىراق نەپسىگە قۇل بولغان ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. تەمەدىن ھەممە ھاقارەت ۋە خارلىق كېلىدۇ، تەمە ئەسرى بولۇشنىڭ مەنبەسى يەنىلا مال - دۇنيا ھېرىسمەنلىكى. ئومۇمەن مال - دۇنيا ھېرىسمەنلىكى ئادەمنى بارلىق پەزىلەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ.

بۆلۈملىرىمىزنىڭ مال - دۇنياغا بېرىلمەسلىك ھەققىدىكى تەۋسىيەسى ھەرگىزمۇ مال - دۇنيانى قارىلاش ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: «توغرا يولغا ئىشلىتىلگەن پۇل ئەڭ ياخشى پۇلدۇر» دېگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ياراتقاندا تولىمۇ نامرات ۋە موھتاج ئادەملەرنى پەيغەمبەرلىككە تاللىمىغان. جۈملىدىن، مال - دۇنيالىق، كۆكسى - قارنى توق، تەبىئىتى ياخشى ئادەملەرنى تاللاپ پەيغەمبەرلىك شەربىتىنى بەرگەن. چۈنكى نامراتلىق ئادەمنى يۇلدىن ئازدۇرىدىغان، ئىبادەتكە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان بىر سەۋەبتۇر. سەئىدى كەلتۈرگەن بىر ھەدىستە: «كەمبەغەللىك يۈزى نامراتلىقتىن ساقلىشىنى تىلەيتتى. مال - دۇنيادا گۇناھ يوق، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن نېمەتلىرىنىڭ بىرى. مال - دۇنيا ھەم بەخت - سائادەتنىڭ ماددىي ئاساسى. بىراق گەپ شۇ مال - دۇنيانىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن ئىشلىتىش يوللىرىنىڭ دۇرۇس بولۇش - بولماسلىقىدا، بەزى كىشىلەر پۈتۈن ئادەمنىڭ مانچە مىليون پۇلى بار ئىكەن. يېتىپ يېسىمۇ، ئۆمۈر بويى يەپ - ئىچىشكە يېتىپ ئاشىدۇ ھەم بالىلىرىغا قالىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا شۇنداق تىرىشىپ، تەرلەپ - تېپچىرەپ پۇل تاپىدىكەن، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆزى ياخشىلىق، ھەم ساۋاب ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ بولدىلا، بىرى يېتىدۇ، يەنە تىرىشىپ نېمە قىلاتتىم دەپ ياستۇقنى قىرلاپ ياتسا ئۇ گۇناھ بولىدۇ. ئۇنداق ئادەمنى پاسىق ئادەم دەپ

بەت 343

قاراشقا بولىدۇ. ئۇ پۇلنى كۆپ تېپىپ خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلسا نېمىشقا بولمايدىكەن. ئەگەر ھامىنى يەپ بولالمايدىكەنمەن دەپ بىكار تەلەپ بولۇۋالسا، ئۇ ئەڭ خەس، پىخسىق ئادەم قاتارىغا ئۆتۈدۇ، چۈنكى ئۇ مال - دۇنياسىنىڭ باشقىلارغا قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولىدۇ.

تۆۋەندە مال - دۇنيانىڭ تۇرمۇشقا، پەزىلەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن ھېكمەتلىك مۇھاكىمىنى يۇقىرىقى چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.

سەيخ سەئىدى بىر كۈنى بايلارنى قارغاپ، نامراتلىقنى، دەروىشلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر كىشى بىلەن ياقا يىرتىشچىلىك مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. مۇنازىرىنىڭ مەزمۇنىدا، دەروىش بايلارنى ھەددىدىن ئارتۇق سۆكىدۇ، بۇ چاغدا سەئىدى دەيدۇكى: دوستۇم، بايلار كەبىغەلىلەر تىرىكچىلىكىنىڭ مەنبەسى، زاھىتلار كىرىمىنىڭ ئاساسى، تاۋاپچىلارنىڭ باشپاناسى، مۇساپىرلارنىڭ چۈشىدىغان ماكانى. ئۇلار باشقىلارنىڭ راحىتى ئۈچۈن ئېغىر يۈك يۈدۈكۈچىلەردۇر. ئۇلار ئۆز خىزمەتكارى ۋە قول ئاستىدىكىلەر تاماق يېيىشكە كىرىشكەن چاغدىلا ئاندىن تاماقتىن قول ئۈزۈتىدۇ. ئۇلارنىڭ سېخىيلىقىدىن ئاشقان نەرسىلەر تۇل خوتۇن ھەم قېرىلارغا، يېقىنلىرى ۋە قوشنىلىرىغا يېتىدۇ. ئەگەر سېخىيلىق قۇدرەت ھېسابلىنىپ، ناماز قۇۋۋەت ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بايلار تېخىمۇ ياخشىراق باي بولاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى زاكات بىلەن ئېرىلگەن، كىيىم - كېچەكلىرى تازا، نام - ئابرۇيى بىغۇبار ۋە كۆڭلى خاتىرجەم، تائەت - ئىبادەتنىڭ كۈچى ھالال تائامدا، ئىبادەتنىڭ ساغلاملىقى پاك لىباستا، قۇپقۇرۇق ئاشقازان نېمە قۇۋۋەت بېرىر ۋە قۇرۇق قولدىن قانداق مۇرۇۋۋەت كېلىشى مۇمكىن؟ ئۆسۈسۈزنىڭ ئايىغى يول يۈرۈشكە يارامدۇ، قورساقى ئاچنىڭ قولىدىن نېمە ياخشىلىق كېلىدۇ؟ شۇنداق ئىكەن بايلارنىڭ ئىبادىتى

بەت 344

ئاللانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئالدى بىلەن ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار خاتىرجەم، كۆڭلى توق، دىلى پەرىشان، پىكرى چېچىلاڭغۇ ئەمەس. ئۇلار تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى پۇختا تەييارلىۋالغانلىقتىن ئۈزلۈكسىز ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولالايدۇ. ئەيىب ئېيتىدۇ: خۇدا مېنى ئېغىر كەمبەغەللىكتىن ۋە خۇشۇم يوق كىشىنىڭ قوشنا بولۇشىدىن ساقلىسۇن.

سەئىدى يۇقىرىقى بىر قاتار دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، دەروىش مۇنازىرىدە زۇلپىقارنى چىقىرىپ دەيدۇكى: ئاڭلىمىغانمىدىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كەمبەغەللىك مېنىڭ ئىپتىخارىم» دېگەن.

سەئىدى دەيدۇكى: توختاپتۇر، - دېدىم مەن، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ كۆرسەتمىسى شۇنداق بىر گۇرۇھنىڭ كەمبەغەللىكىگە قارىتىلغانكى، ئۇلار رىزالىق مەيدانىنىڭ مەردلىرى ۋە تەقدىرنىڭ ئوقىغا ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار بولۇپ، ھەرگىز ئەھلىيانىڭ جەبىرسىنى كىيۈنۈپ، تاپقان خەير - سەدىقىلىرىنى ساتىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ساۋاتسىز كەمبەغەل كۆڭلى ئارام تاپالمىغانلىقتىن، ئاخىرى بېرىپ كەمبەغەللىكى كۇپۇرلۇققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى كەمبەغەللىك كۇپۇرلۇققا يېقىنلا نەرسە. مەۋجۇت نېمەت بولمىغاندا يالىڭاچنى كىيىندۈرۈش ياكى بەختسىزلىككە گىرىپتار بولغاننى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىش بىكار… «ئۈستۈن قول تۆۋەن قولغا قانداقمۇ ئوخشىسۇن. تىرىكچىلىك غېمىدە بولغانلار ئېھتىماللىق دۆلىتىدىن مەھرۇمدۇر. پاراغەت بولسا مۇئەييەن رىزىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىدۇر.»

سەئىدى يۇقىرىقى دەلىللەرى بىلەن نەئەرە تاتقاندا، دەروىشمۇ ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىپ، تىل قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، پاسات دۇلدۇلىنى ئەدەپسىزلىك مەيدانىغا قويۇپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

سەن بايلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى شۇنچە مۇبالىغە قىلىپ، قۇ[Footer] 336

بەت 345

رۇق گەپ ساتتۇق. بۇ مۇلاھىزىلىرىڭ بويىچە تەسىۋۋۇر قىلغاندا ئۇلار گويا ترياق① ياكى رىزىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار بىر ئۇچۇم تەكەببۇر، مەغرۇرلاردۇر، ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان ياۋۇزلاردۇر. مال نېمەتلىرىگە ئۆزىنى قۇربان قىلالار، ئورۇن، مەنسەپ ۋە بايلىقنىڭ مەپتۇنلىرى، ئۇلار سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىسە غەزەپلىنىپ سۆزلەپ قويىدۇ. نامراتلارغا قارىمايدۇ، قارىسا پەقەت يىرگىنىش بىلەن قارايدۇ. ئالىملارنى گادايغا چىقىرىدۇ، كەمبەغەللەرنى بولسا يالانگۆش دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار قولىدىكى مال - دۇنياسى بىلەن مەغرۇرلىنىپ ۋە ئۆز قورسىقىدا مەنسىپىنى يۇقىرى ساناپ، ئۆزىنىڭ كاللىسىغا چىقىپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ھېسابلايدۇ. كىشىلەرگە بېشىنى كۆتۈرۈپ قويۇش كاللىسىغا كەلمەيدۇ. ئۇلار دانىشمەنلەرنىڭ سۆزىدىن بىخەۋەر. دانىشمەنلەر دەيدۇكى: كىمكى تائەت - ئىبادەتتە تۆۋەن بولسا، بايلىق، دۆلەتتە يۇقىرى بولىدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشتە باي بولغانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى كەمبەغەل.

مەن دېدىم دەيدۇ يەنە سەئىدى، - سەن ئۇلارنى ھاقارەت قىلىشنى ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمە. چۈنكى ئۇلار كەرەم ئىگىلىرىدۇر! ئۇ دېدى:

خاتا ئېيتىسەن، ئۇلار دەرهەمنىڭ قۇلى، يامغۇرى يوق ئېتىياز بۇلۇتلىرىنىڭ ۋە كىشىگە نۇرى چۈشمەيدىغان قۇياشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئۇلار قۇدرەت ئىمكانىيەت ئېتىغا مىنگەن تۇرۇپمۇ چاپتۇرمايدۇ. خۇدا يولىدا بىر قەدەممۇ ئاياغ باسمايدۇ. كىشىگە مىننەت - ئامانەتسىز بىر دەرهەممۇ بەرمەيدۇ. ئۇلار مۇشەققەت بىلەن مال - دۇنيا يىغىپ، ئۇنى پىخسىقلىق بىلەن ساقلايدۇ - دە، ھەسرەت بىلەن تاشلاپ كېتىدۇ. خۇددى دانىشمەنلەر ئېيتقاندەك، بېخىل يەرگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭ كۈمۈشى يەردىن چىقىدۇ.


① ترياق - زەھەر قايتۇرىدىغان دورا.

بەت 346

سەئىدى يۇقىرىقى ھاقارەتلىك دارىتمىلاشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: — سەن پەقەت گادايلىقنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ بېخىللىقىدىن ۋاقىپ بولىسەن، ئۇنداق بولمىغاندا تەمەنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويغان كىشىگە سېخىيلىق بىلەن بېخىللىق ئوخشاش كۆرۈنگەن بولاتتى. ئالتۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىناق تېشى بىلىدۇ، شۇنىڭدەك بېخىلنىڭ كىملىكىنى گاداي بىلىدۇ. سەئىدى يەنە تولاپلا: — قايسى تەقۋادارنىڭ قولىنىڭ كەينىگە باغلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىك زىندانىدا ياتقانلىقىنى، بىرەر ئېھتىياتسىزلىق پەردىسىنىڭ يىرتىلغانلىقىنى، بىر قولىنىڭ بېغىشىدىن كېسىلگەنلىكىنى كۆرگەنمۇ. ① پەقەت نامراتلىق، موھتاجلىق سەۋەبىدىن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. قانچىلىغان پاك دىل كىشىلەر كەمبەغەللىك سەۋەبى بىلەن بۇزۇقچىلىق قاينىمىغا چۆشۈپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ياخشى نامىنى بەتناملىق شامىلىدا سورۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر-بىرىنى يېڭىپ قايىل قىلىشقا ھەرقانچە ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. ئۇلار ئاخىرى ياقا يىرتىشىپ، سۆرەشكەنچە قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ داۋانى ئايرىپ قويۇشنى ئۆتۈنىدۇ. قازى بۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەئىدىگە قاراپ مۇنداق دېگەن: «ئەي بايلارنى ماختاپ، كەمبەغەللەرنى ھاقارەتلەشنى راۋا كۆرگەن كىشى، بىلىپ قويكى، قەيەردە گۈل بولسا، شۇ يەردە تىكەن بار. قەيەردە شاراب بولسا، ئۇنىڭ خۇمارىمۇ بولىدۇ. خەزىنە بار يەردە يىلان بار، قەيەردە شاھلارغا لايىق ئۈنچە-مەرۋايىت بولسا، ئۇ يەردە ئادەم يەيدىغان لەھەڭ بار. دۇنيادىكى تۇرمۇشنىڭ لەززىتى

① ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلىدۇ. 338

بەت 347

ئارقىسىدىن ئەجەلنىڭ نەشتىرى ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ. جەننەتنىڭ نېمەتلىرى ئالدىدا كۆڭۈلسىزلىك ئازابىنىڭ توساق تاملېرى بار. سەن بوستاندا خۇش پۇراق تاللار بىلەن بىللە قاقشال دەرەخلەرمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋاتامسەن؟ خۇددى شۇنىڭدەك، بايلارنىڭ ئارىسىدا تەقۋادارلار بىلەن كۆپۈرلۈك قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ. كەمبەغەللەرنىڭ ئىچىدىمۇ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆزىنى باسالمايدىغانلارمۇ بار. ھەتتا ئاللانىڭ يېقىن بەندىلىرى كەمبەغەللەرچە ھايات كەچۈردىغان بايلاردۇر ۋە ھەممىتىكە باي بولغان كەمبەغەللەردۇر. بايلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھىممەتلىكى شۇكى، ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يەيدۇ. «كىم ئاللاغا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللا ئۇنىڭغا يېتەرلىك» (65 - سۈرە، 3 - ئايەت) دېگەن ئايەت بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

قازى ئارقىدىن بايلارنى ھاقارەتلىگەن ھېلىقى كىشىگىمۇ بايلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىرى ۋە يامانلىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، سەئىدى بىلەن ھېلىقى دەرۋىش رازى بولۇشۇپ بىر - بىرى بىلەن يارىشىپ، ئەپۇ سورىشىدۇ، ئاخىرىدا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ:

پەلەكنىڭ گەردىشىدىن شىكايەت قىلما ئەي مىسكىن، ئەگەر شۇ پېتى ئۆلسەڭ، بەختىڭ يەنە قارا بىل. قولۇڭدا بار چاغدا بەختۇ دۆلەت ئەي بايلار، تاپاي دېسەڭ ئىككى ئالەم، يەپ - ئىچ ھەممە ئېھسان قىل. ①

يۇقىرىقى مۇنازىرە ۋە دەلىللەر بايلىق مەرتىۋىسىگە يەتكەندىن كېيىن ئورۇنلاش لازىم بولغان پەزىلەت تەلەپلىرىنىمۇ، نامرات ئەھۋالغا قالغاندىكى پەزىلەت تەلەپلىرىنىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن. ھازىرقى دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىساد ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. شۇنداقتىمۇ مەدەنىيەت…

① سەئىدى «گۈلىستان» دىن، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 - يىل نەشرى. 339

بەت 348

يەتۈلۈك ئەللەردە ھەرگىزمۇ پۇلنى مەقسەت دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۇنى يەنىلا ۋاسىتە دەپ بىلىدۇ. ئەگەر پۇل مەقسەت قىلىنىدىغان بولسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ناھايىتى تېزلا گۇمران بولاتتى. ئىنسانلار ئۇ چاغدا پۇل ئۈچۈن ئاستە تاللىمايدۇ، پۇلنى تونۇيدۇ، پۇلنى دوست تۇتىدۇ، ئادەمنى تونۇمايدۇ، ئادەملەر ئارىسىدىكى دوستلۇق بۇزۇلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىنسانلار بىر-بىرىنى قىرىدۇ. نەتىجىدە يەر شارىنى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشتىن ھايا قىلىشمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، پەرزەنتلەرگە پۇلنىڭ ھاياتلىقتا تۇتقان مۇھىم ئورنىنىمۇ بىلدۈرۈش، ھالال پۇل تېپىپ خاسىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلھام بېرىش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلە تەلىم-تەربىيە مەزمۇنىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك. يەنە پۇلغا بولغان ھەددىدىن ئارتۇق ھېرىسمەنلىكنىڭ، ئاچ كۆزلۈك، بېخىللىق ۋە ئىسراپچىلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ھەر قاچان ئەسكەرتىپ تۇرۇش لازىم. بولمىسا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ناپاك مەقسىتى ئۈچۈن ۋىجدانىنىمۇ، ئىمانىنىمۇ سېتىپ ئەلگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ.

  1. ياخشى قىلىقلىق، دۇرۇس خۇلقلۇق بولۇشقا ئۆگىتىش ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە بەرگەن تەلىمىنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى ئۇنى ياخشى قىلىقلىق، دۇرۇس خۇلقلۇق بولۇشقا ئۆگىتىش ۋە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.

«بالام، دۇرۇس ياشا، قىلىقنى پۈتۈن، توغرا تۇتقىن. شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، خۇشاللىق دېگەن دۇرۇسلۇقتا. ھەر ئىككى دۇنيادا بەخت تاپقۇچى دۇرۇس خۇيلۇق ئەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: ئادەم كۆڭلىنى ھۇزۇر-ھالاۋەت، خۇشال كەيپىياتتا تۇتسۇن دېيىشكەن، ئۆزۈڭگە توغرىلىقتىن داۋا ئېلىمەكلىكى لازىمدۇر. ئەگەر مەقسىتىڭ باي بولماق بولىدىغان بولسىمۇ، دۇرۇس بول، بايلارمۇ شۇ دۇرۇسلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئۈلۈشىگە

بەت 349

ئېرىشكەن. ئەل ئىچىدە بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ بولماق تىلىكىدە بولساڭمۇ، دۇرۇسلۇق بىلەن يولۇڭنى ئوچۇق قىل. ئەگەر قىلىقىڭ مۇلايىم، كۆڭلۈڭ دۇرۇسلۇق بىلەن ئۆتسە، ھەر ئىككى دۇنيادا كۆڭلۈڭ يورۇق بولىدۇ. بالام، سېنىڭدە بولسۇنكى، ياخشى قىلىق بىلەن جەھەننەم ئىشىكىنى تاقىيالايسەن.»

ئادەم توغرىلىق ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن يارىتىلغان. ئۇ ئۆز تەبىئىتىگە مۇناسىپ دۇرۇسلۇق بىلەن ياشىسا كۈنلىرى قۇتلۇق، يوللىرى ئوچۇق بولىدۇ. ئەگەرلىك يامانلىقنىڭ ھەمراھى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر ئىشى ئۇقۇشۇسۇزلۇقتا، كۆڭلى ئىزتىراپتا ئۆتىدۇ. دۇرۇسلۇق، توغرىلىق دېگەننىڭ تىلىپى يۇقىرى، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، كىشىلەر بىلەن بولىدىغان ھەربىر مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلەردە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىش-ھەرىكىتى قائىدىلىك، توغرا بولۇش، باشقىلارغا ياخشى، ئادىمىيلىك مۇناسىۋەتتە بولۇش، يامان نىيەتتە بولماسلىق، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن دوستلارچە مۇناسىۋەتتە تۇتۇش، ئۇلارغا ياردەم لازىم بولغاندا ئۇلاردىن ياردەم قولىنى تارتماسلىق، نىيىتىنى دۇرۇس قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا ياخشى، پاك نەزەر بىلەن قاراش، ھەرقاچان، ھەرزامان پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىنى، خاتىرجەملىكىنى، بىرلىكىنى ئويلاش، قولىدىن كېلىشىچە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تىرىشماقنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەلەپلەر تۇرىدۇ.

ياخشى خۇلق بىلەن دۇرۇس ياشاش ئەملىيەتتە بىر پۈتۈنلۈكتۇر. ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى نەرسە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. بىرى، تەن، ئىككىنچىسى، نەپەس. تەن كۆز ئارقىلىق زاھىر نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. نەپەس دۇنيانى ئىدراك بىلەن ياخشىنى ياماندىن، ئاقنى قارىدىن ئايرىيدۇ. تەننىڭمۇ، نەپەسنىڭمۇ بىرەر سۈرىتى باردۇركى، ئۇلار ياخشى-يامان بولىدۇ. نەپسانىيەتچىلىكنىڭ سۈرىتى ھەممە ئادەمگە ناھايىتى سەت كۆرۈنىدۇ. بىراق نەپەسنىڭ سۈرىتى

341

بەت 350

كۆز بىلەن ئەمەس ئىدراك بىلەن بولغاچقا، بىز ئۇنى خۇلق دەپ ئاتايمىز. ئادەمگە كىچىكىدىن ياخشى خۇلق سىڭدۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شۇ بالىنىڭ سائادىتىدۇر، يامان خۇلق سىڭىپ قالغان بولسا، ئۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۈلپىتىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر تاغنىڭ ئورنىدىن كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىساڭلار ئىشىنىڭلاركى، ئەمما بىر ئادەمنىڭ خۇلقى ئۆزگەردى دېگەن گەپنى ئاڭلىساڭلار ئىشەنمەڭلار». بۇ خەلقىمىز ئارىسىدا يېكۈنلەنگەن: «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دېگەن ھېكمەتنىڭ ئاساسىدۇر. رەسۇلۇللاھ يەنە: «ئىمانى كامىل بولغان كىشىلەر ياخشى خۇلۇقلۇق بولغاي. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئەڭ ياخشى خۇلۇقلۇقلار خوتۇنلىرىغا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغانلىرىڭلاردۇر» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھمۇ كىشىلەرنى ياخشى خۇلۇقلۇق بولۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ كىچىكىدە سىڭىپ قالغان خۇينىڭ ئۆلگۈچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى خۇلق بىلەن تەربىيىلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىكى مەسئۇل رەھبەر ئاتا-ئانا پەرەزەنتلىرىگە ياخشى خۇلق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ياخشى خۇلق يېتىلدۈرۈش تەلىپىدىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ كىچىكىدە نەپسىنى تىزگىنلىمەي، ئۇنى ئەركىن قويۇۋەتسە، ئۇ ھەر قاچان يامانلىق تەرەپكە مايىل بولۇپ كېتىدۇ. نەپس تەربىيە تېپىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلەنسە ياخشى خۇلق بەخت سۈرىدۇ. ئادەملەر ئەزەلدىن ياخشى خۇلق بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىرا دە قىلغان. بىراق مۇنداق ياخشى خۇلق ياخشى تەربىيە ئارقىلىق يېتىلىدۇ. بالا ئەگەر ياخشى تەربىيە تېپىپ، بۇزۇق خۇلقلاردىن ساقلىنىپ، گۈزەل خۇلقلارغا ئادەتلىنىپ چوڭ بولسا، ھەممە كىشىگە ياقىدىغان بەختىيار ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ، ئەگەر ياخشى تەربىيە تاپماي يامان ئادەت، يامان، سەرت قىلىقلىق بولۇپ قالسا، ھەقتىن ھايا قىلمايدىغان، يامانلىق قىلىشتىن تەپ تارتمايدىغان، جاھىل،

342

بەت 351

پىسانىيەتچى، بۇزۇق ئوي، قەبىھ خىياللاردا بولىدىغان، ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىگە سەەت كۆرۈنىدىغان، تۇتقان - پۇتقىنى قۇۋلۇق - شۇملۇق، قىلغان ئىشلىرى بۇزۇق بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ بۇ يامان قىلىقى، سەەت خۇلقى ئۇنى يامان تەقدىرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ھېچقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ يامان تەقدىرنى كۆرۈشىنى خالىمىغان ئىكەن، بالىلاردا ياخشى خۇلق يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، ناچار تەربىيە ئاخىرى ئاتا-ئانىسىنى ئۆزى خالىمىغان ئىشنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلىدۇ. بۇنى ئاتا-ئانا كىمدىن كۆرىدۇ.

ئەگەر ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ قىسمەت دەپتىرىدىن يامان خەتنى ئوقۇشنى خالىمايدىغان بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەكىتلىگەن دۇرۇسلۇقنىڭ ئەڭ ياخشى سۈرىتىنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان قىلىشقا تىرىشماقلىقى لازىمدۇر. ئېيتىلدى كۈنتۇغدى ئېلىگدىن دۇرۇسلۇق قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ تۇرىقى، مىجەزى قانداق، دۇرۇسلۇق بىلەن ئادەمنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ دۇرۇسلۇق يولى دېگەن قانداق يول، دۇرۇسلۇق يولىنىڭ سۈپەت تەرىپى نېمە؟ دېگەن مەزمۇندا سوئال سورىغاندا كۈنتۇغدى مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

862 ئېلىگ ئېيتتى، شۇدۇر دۇرۇس ئەر ئۆزى، تىلى، كۆڭلى بىرلە بىرىكەر سۆزى.

863 تېشىدەك ئىچىمۇ، ئىچىدەك تېشى، بۇ يەڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى.

864 چىقارىپ يۈرەكنى تالقانغا تۇتۇپ، ئۇيالماي يۈرەلسە ئەلنى كۆرۈپ.

بەت 352

865 بەختلىك ياشاشقا دۇرۇسلۇق كېرەك، كىشىلىك ئېتىدۇر دۇرۇسلۇق دېمەك.

868 مېڭىپ يۈرگەن ئىنسان بەكمۇ كۆپ ئېرۇر، دۇرۇس، چىن، پۈتۈن ئەر ماڭا خۇپ ئېرۇر.

ئەگەر سىزدىن يۇقىرىقى سوئالنى سوراپ قالىدىغان بولسا، سىز نېمە دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىڭىز؟ يۇقىرىقى جاۋاب بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان يارقىن ئالامەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەۋلادلاردىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە تەۋسىيەلەردۇر.

  1. ئۆزۈڭ ياخشى بول، ياخشىلارغا قوشۇل، يامانلاردىن نېرى بول

ئايتولدىنىڭ كۆڭۈلمىشكە قىلغان تەربىيىسىنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى: ياخشىلىقنىڭ بەندىسى بولۇش، ياخشىلارغا قوشۇلۇش، يامانلىقتىن ساقلىنىش، يامانلاردىن نېرى تۇرۇش خۇسۇسىدا بولىدۇ.

«يامانلىقتىن ۋە يامانلاردىن يىراق بول، كۆپرەك ياخشىلىق قىل، ياخشىلىقلار قىلساڭ، ساڭىمۇ ياخشىلىقلار كېلىدۇ، ياخشىلىق ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ. يامان ئىشلارغا يېقىنلاشما، يامانلارغا ئارىلاشما، يامانلىق دېگەن خۇددى بىر يىلاندەك ئاخىرى سېنى چىقىپ ھالاك قىلىدۇ.» (1296 - 1297)

بىر دانىشمەندىن ئادەمنىڭ ياخشى - يامىنىنى قانداق بىلگۈلۈك دەپ سورىسا، دانىشمەن: ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا قارىساڭ كۇپايە، دېگەن ئىكەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا مۇنداق دۇئا قىلغان: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم - ھېكمەت ئاتا قىلغىن، ياخشىلارغا قوشقۇن، كېيىنكىلەر

بەت 353

ئارىسىدا ياخشى نامىنى قالدۇرغۇن.» (شۇئارا 83 - ئايەت) ياخشىلار بىلەن ئارىلىشىش ياخشىلىققا سەۋەب بولسا، يامانلار بىلەن ئارىلىشىش يامانلىققا سەۋەب بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى قىيامەت كۈنى سۆيگەن ئادىمى بىلەن بىرگە بولىدۇ.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى ئادەمنىڭ تەقدىر - قىسمىتىگە ئۇنىڭ قانداق ئادەملەرنى ياقتۇرۇپ ئارىلاشقانلىقى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ خىل تۇرمۇش ھەقىقىتىنى ئەل ھېكمەتلىرىدە: پەيغەمبەرنىڭ بالىسى يامانلارغا قوشۇلۇپ دوزاخقا كىردى، ئەسھابۇلكەھپنىڭ ئىتى ياخشىلارغا قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن جەننەتكە كىردى، دەپ خۇلاسىلىغان.

ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپ ئادەمنىڭ ياخشى، يامان ئادەم بولۇپ چىقىشىنىڭ ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق ئىزدەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ بۇ خۇسۇستا ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە كونكرېت چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ھەممىسى بۈيۈك ئادەمىيلىك قەدىر - قىممەت ئىمتىيازى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ھەرگىزمۇ بىرى يامان، ئەسكى بولۇپ، بىرى ياخشى بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. بىراق نېمە ئۈچۈن ياشاش جەريانىدا بەزىلەر يامانلىق تەرەپكە مايىل بولۇپ كەتسە، بەزىلەر ياخشىلىق تەرەپكە مايىل بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن زور ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ يېشىمىنى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن چۈشەندۈرگەن.

بىرىنچى، «قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ» دېگەن قانۇنىيەت بويىچە چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى ئىرسىيەت مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر تەبىئىي باغلىنىش. ئىرسىي خۇسۇسىيەت ۋە ئىرسىي مىراسنى دىندىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئادەمنىڭ رەڭگىرويى - روھى، قامىتى، مېڭىش - تۇرۇشى ئىرسىي مىراس بولۇپلا قالماي، بەلكى مىجەز - خۇلقى ۋە خاراكتېرىمۇ مىراس قالىدۇ. بىراق بۇ بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس.

345

بەت 354

ئىككىنچى، ئادەم تۇغۇلغاندا ياخشى - يامان بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى قولىدا قان تۆككۈچى زەھەر، يەنە بىرى قولىدا شىپالىق دورا بىلەن چۈشمەيدۇ. ئۇ ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدە ياخشى خۇينى گۈزەللەشتۈرىدۇ ياكى يامان خۇينى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ياخشىلارغا قوشۇلۇپ چوك بولسا، ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ پەزىلەتلىك ئادەم بولىدۇ، ئەگەر يامانلارغا قوشۇلۇپ چوك بولغان بولسا ئۇلارنىڭ يامان خۇيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يامان خۇينى گۈزەللەشتۈرۈپ، يامان بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنداق تەسىرنىڭ رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ياخشىلارمۇ يامانلارغا قوشۇلۇپ قالسا خۇينى بۇزىدۇ، يامانلار ياخشىلارغا ئارىلاشتۇرۇلسا، ئۇلارنى دوراپ ياخشى تەرەپكە ماڭىدۇ دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ كېيىنكى خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، بالىلار تاماكا چېكىدىغان بالىلار بىلەن بىرگە ئوينىسا پاتلا بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلىدۇ. ھاراق ئىچىدىغان، قىمار ئوينايدىغان بالىلارغا قوشۇلسا، تېز ئارىدىلا ئۇمۇ شۇ خۇينى گۈزەللەشتۈرۈۋالىدۇ. يامانلىق، يامان خۇي دېگەن خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش بىر - بىرىگە يۇقۇش ئارقىلىق شۇنداق تەرەققىي قىلغان. بالا ئەگەر ياخشى خۇيلۇق بالىلارغا ئارىلىشىپ چوك بولسا، ئۇنداق ناچار ئادەتنى نەدىن قوبۇل قىلالايدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرنى مۇنداق ئوبرازلىق ئىبارە بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ:

5510 يامانغا قوشۇلما ۋە يۈرگىن كۆنى، تۆز - ئەگرىلە بولسا قارا يۈر كۆنى.

5511 كىم قىلسا يامانلىق بالاغا قالۇر، يولۇق ھەققە توغرا قىيامەت كۈنى.

بەت 355

« شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ. » (فۇرقان 27 - 28 - ئايەت) مانا بۇ ئاجايىپ ھېكمەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش. يامانلار خۇددى شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ياخشىلارنى ئازدۇرۇپ، يامان يوللارغا قىزىقتۇرۇپ ئەكسىرىپ نابۇت قىلغاندىن كېيىن، ئۆز غەلىبىسىدىن مەمنۇن بولۇپ تاشلاپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئادەمنى يارىتىپ ئۇنىڭغا يۇقىرى ئىمتىياز بەرگەندىن باشلاپ، مەلعۇن شەيتان ئىنسان بىلەن قارشىلىشىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سېھىر - ئەپسۇنلىرى بىلەن نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى كىشىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ، ياخشى ئىشلارنى بولسا يامان كۆرسىتىدۇ. ياخشى، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشتىن قول ئۈزدۈرۈپ، گۇناھلىق ئىشلارغا قىزىقتۇرىدۇ. بۇنداق ئازدۇرۇش ئادەممى شەيتانلار ۋە نەپسى شەيتان ئاستىسى ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ. ئادەمنىڭ نەپسى بويۇن سۇنمىسا ئۇ مەلعۇنلار ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭا ئادەم نەپسىنىڭ يامان يوللارغا باشلىشىدىن پاناھ تىلىشىكە ھەم ئادەممى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھ تىلىشىكە دەۋەت قىلىنىدۇ: « ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن » (114 - سۈرە ناس) بۇ ئايەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىمۇ ئادەممى شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ئازدۇرغۇچى يامان ئادەملەر دەل شۇ ئادەملەردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتانلاردۇر. بۇ شەيتانلار كۆڭۈللەردە ۋەسۋەسە پەيدا قىلىپ، ئاسىيلىققا، بۇزۇقچىلىققا، قان تۆكۈشكە قىزىقتۇرغاندا، ئۆزىگە ئىشەنچى بار، ئىىرادىلىك، ئىمانى كامىل، ياخشى تەربىيە كۆرگەن، ياخشى تەسىر بىلەن چوڭ بولغان بالىلار بۇنى دەرھال سېزىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئىىرادىسىز، خاراكتېرسىز، ياخشى تەربىيە كۆرمى[Footer] 347

بەت 356

گەن بالىلار تېزلا ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ قەلبىنى دەرھال ئىشغال قىلىپ تالان - تاراج قىلىشقا باشلايدۇ. ئاخىرى ئۇ باللار ئازغۇنلۇق يولىغا قەدەم قويۇپ ئۆزىنى رەسۋا قىلىدۇ. بۇ چاغدا شەيتان مەلون غەلىبىسىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇ ئازغۇننى تاشلاپ، چالا ھىجىيىپ قويۇپ يولىغا راۋان بولىدۇ. ھېلىقى ئازغۇن بالا غەپلەتتىن ئويغانغاندا ئۆزىنىڭ ھەق توغرا يولدىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ، ئۇستازلىرىنىڭ ئومىدىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ھاياتىنىڭ كەيىپ - ساپا، ئەيىشكە تولغان، شەيتانغا ئەسىر بولۇش بىلەن نابۇت بولغانلىقىنى، دوستلىرىنى قاچىرتىپ، دۈشمەنلىرىنى كۈلدۈرگەنلىكىنى، ئۆزىگە ھەقىقىي كۆيۈنگەن سۆيۈملۈك كىشىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، دۈشمەننىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، ياخشىلارنى رەنجىتىپ، يامانلارنى شاد قىلغانلىقىنى، ئەلنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەت، ئىززەت، قەدىر - قىممەت تەختىدىن چۈشۈپ، كاساپەت، لەنەت ئازگىلىغا تاشلانغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلىدۇ. بىراق بۇنىڭدىن نېمە پايدا. ئۇ ئاللىبۇرۇن پۈتۈن زورغارنى سورۇپ تۈگەتكەن، ياخشىلارنىڭ سەپىدىن چىقىپ كەتكەن، مۇھتاجلىق، خارلىققا قالغان. بۇنداق ئاچچىق تەجرىبە تۇرمۇشىمىزدا ھەرقاچان، ھەرزامان ئۇچراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قانۇنىيەتنى ناھايىتى ياخشى بىلسىمۇ تازا ئېتىبار قىلمايدۇ، كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بۇ ئىشتا ناھايىتى سەزگۈر بولۇشى كېرەك. بالىلار كىچىك چاغدا كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ياخشى پەرق ئېتەلمەيدۇ. بىراق ئاتا - ئانىلار ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئارىلىشىۋاتقان بالىلىرىغا كۆز - قۇلاق بولۇپ تۇرۇش، ياخشى بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يامان بالىلاردىن ئۆزىنى تارتىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇ كېيىن تارتىدىغان كۈلپەتلەردىن تولىمۇ ئاددىي ئىشلاردۇر.

بەت 357
  1. ئۆزۈنگە پۇختا بولۇش، سىر ساقلاش تەربىيىسى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە مائارىپ ئىدىيىسىدە پەرزەنتلەرنى ئۆزۈنگە پۇختا، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىغا پۇختا، ئىشنىڭ ئالدى - كەينىنى ئوبدان ئويلاپ قىلىدىغان، بولسا بولا، بولمىسا ئىز پۇلى بولا دەپ ئىشنى چېچىلاڭغۇ، چۇۋالچاق قىلىدىغان تۇتۇرۇقسىز ئادەم بولۇپ قالماسلىققا ئۆگىتىش تەلەپى دىققەتكە سازاۋەردۇر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق بىر ھېكمەت خاتىرىلەنگەن: «ھەي ئۇيغۇر، ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس». بۇ ھېكمەت بىر تەرەپتىن، ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرقانداق ئىشتا پۇختىلىق ئاساسىدا قۇرۇش ھەققىدىكى تېكىست ئىپادىلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، تۆمۈر قىسقا كېسىلىپ قالسا ئوزارتىش ئىمكانىيىتى بار، ئەگەر ياغاچ قىسقا كېسىلىپ قالسا ئۇنى ئۇلاش ئىمكانىيىتى يوق. بۇنىڭدىن بالىلارنى تۇرمۇشقا پىشۇرۇشنىڭ لازىملىقى چىقىدۇ. تۇرمۇشقا پىشقان بالىلار ھەرقانداق ئىشنى تەرتىپلىك، قائىدىلىك، ئورۇنلۇق قىلىدۇ، تۇرمۇشقا پىشمىغان بالىلار بىر ئىشنى نەچچە قېتىم قىلىدۇ. شۇڭا بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئەستايىدىل بولۇشنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش لازىم بولىدۇ. ئايتولدى ئاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە بۇ ئىشنى ھەر قاچان ئەسكەرتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ پۇختىلىقى.

«بالام، سىرىڭنى ھەرگىز ئىككى يۈزلۈك ئادەمگە دېمە. ئۆيۈڭگە سۆخنىچى ئادەملەرنى يولاتما. ئۇنداق ئادەم كۆرگەن - بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەلگە بىرنى ئون قىلىپ يايىدۇ. سىنالغان ئىشەنچلىك دوستۇڭنى چىڭ تۇت، ئۇنداق ئادەمدىن ساڭا كۆپلەپ پايدا يېتىدۇ. باشقىلارنىڭ گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويغىن، بىراق ھەممىلا گەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە. ئۆزۈڭگىمۇ مەھكەم بولۇپ، سىرىڭنى يوشۇر.» (1298 - 1301)

بەت 358

يۇقىرىقى تەربىيىنىڭ مەزمۇنى پۇختىلىق تەلەپىنىڭ بىر قىسىم كونكرېت تەلەپلىرى. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس سىرى بولىدۇ، ھەربىر ئائىلىنىڭمۇ، كەسىپنىڭمۇ سىرى بولىدۇ. دوست - يارەنلەرنىڭ سىرى بولىدۇ. سىر دېمەك ئامانەت دېمەكتۇر. سىرنى پاش قىلىپ قويماق ئۆزگىمۇ، باشقىلارغىمۇ خىيانەت قىلماقتۇر. «سىرىڭ چىقتى، جېنىڭ چىقتى» دېگەن گەپ بار. ئادەمنىڭ كۆڭلى سىرلار ماكانى بولۇشى كېرەك. بۇ خۇسۇستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ سىرىنى بىلىپ قېلىپ، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرگەن كىشىدە مۇناپىقلىقتىن بىر ھەسسە بولىدۇ.» دېگەن ئىكەن. تارىختا نۇرغۇن باشلارنى ئۆزىنىڭ سىرىنىڭ شىرى يېدى، نۇرغۇن ئوردا - قەسىرلەر سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى سەۋەبلىك زاۋال تاپتى.

سىر دېگەن قەلب قەسىرىدىكى يوشۇرۇن سىرتمان، ئۇنىڭ ياخشىسى بولسۇن، يامىنى بولسۇن ئۇنىڭ چۇلۋۇرى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز قولىدا بولغىنى ياخشى. بۇ ئامانلىققا بولغان ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت. سىرلار سىرتمىقىنىڭ چۇلۋۇرىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزغانلىق، ئۆزى خالاپ بوينىنى باشقىلارنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ بەرگەنلىك بولىدۇ. ئادەم سىرىنى باشقىلارغا ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىن دەرھال يامانلىق ياكى زىيانكەشلىك يانمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئادەم ھەرقاچان ئەندىشە ۋە تەشۋىشتىن خالىي بولالمايدۇ. شۇ تەشۋىشتىن خالىي بولۇش ئۈچۈن سىردىن ۋاقىپ ئادەمگە ناھايىتى كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ. خاتىرجەملىك يوقىلىدۇ، بىر ئوبدان ئەركىن، ئازادە ئادەم، باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزى خالاپ خاتىرجەمسىزلىكنى سېتىۋالىدۇ؟ بۇنىڭدا پەرزەنت تەربىيىسىدىكى مۇشۇ يوشۇرۇن پۇختا ئېيتىلغان.

گەپنىڭ راستى بولىدۇ، يالغىنى بولىدۇ، ئىشەنچلىكى بولىدۇ، ئىشەنچسىزى بولىدۇ. ھەممىلا گەپكە ئىشىنىپ كەتسە…

بەت 359

لىك، ئاڭلىغانلىكى گەپلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىك پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۇلارغا بىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان بىر مەزمۇن. بىر ھەدىستە: «ئاڭلىغانلىقى گەپنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش يېتەرلىك يالغانچىلىقتۇر» دېيىلگەن. ئەپقاچتى گەپلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، شۇنىڭغا ئىگە بولالماي ئۆزىنى خاراب قىلغان ئادەملەر خېلى بار. بەزى ئادەملەر كۆرمىگەننى كۆردۈم دەپ قويۇپ، ئاڭلىغاننى ئاڭلىدىم دەپ قويۇپ، ئېغىزىدىن بالاغا قالىدۇ. ئاندىن يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيدىغان نۇرغۇن - نۇرغۇن بەندىلەرنى كۆردۇق. بۇمۇ تەربىيىسىزلىكنىڭ، ئۆزىگە پۇختا بولمىغانلىقنىڭ، تۇرمۇشقا پىشمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.

ئايتولدى ئاگاھلاندۇرغان ئويۇنچى سۇخىنىچى، ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەرنى يولاتما دېگەن تەۋسىيىسىمۇ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى كۆپ قېتىم ئىبرەت بەرگەن ساۋاقلارنىڭ بىرى. سۇخىنىچى ئادەم بەجايكى كۆيدۈرگىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھۈنىرى ئوتتۇرىدا گەپ توشۇپ، ئاق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، ئاقنى قارا، تۈزنى ئەگرى كۆرسىتىش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك، نىزا - ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. دوستلارنى بىر - بىرىگە دۈشمەن قىلىدۇ، ئائىلىلەرنى بۇزۇپ، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇ مىڭ ئۆينى بۇزۇپ خانىۋەيران قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن غالىبلىق ھېسابلايدۇ. كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاشتا ئاق نەرسىنى قارا دېيىشتىن ھايا قىلمايدۇ. پاك، مەسۇم ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاش ئۇلارنىڭ ھۈنىرى، ئۇلارنىڭ كۆزى يامانلىقتىن باشقىنى كۆرمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە سۇخىنىچىلارنىڭ شۇم تەبىئىتى توغرىسىدا ئەبۇلەھەپ بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئەۋرىشكە قىلىپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ. «(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخىنىچى ۋاي!» ① «ئەبۇلەھەپنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن.

351

بەت 360

(ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال - مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۆزچى) خوتۇنى ھەم لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ.» ① ئىسلام دىنىدا باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەقىقەتنى قارىلاش، ياخشىلارغا تۆھمەت قىلىپ زىيانكەشلىك قىلىش، دۇرۇس نىيەتلىك ئادەملەرنى، ئەل ئارىسىدىكى ئابرۇيلۇق، نەسىھەتگۇي كىشىلەرنى قارىلاش، ئۇلار ئۈستىدىن پىتنە - پاسات تارقىتىش قاتارلىقلار ئەلۋەتتە ئېغىر گۇناھ ھېسابلانغان. باشقىلارغا قەستەن ئازار بېرىش غەرىزىدە كىشىنىڭ ئالدى - ئارقىسىدا يامان گەپ قىلىدىغان، ئاساسسىز گەپلەرنى توشۇپ، كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىغا نۇقسان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنىدىغان، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىدىغان ئوسال قىلىقلارنىڭ ھەممىسى سۆزچىلىك بولىدۇ. يۇرتۋازلىق، مەزھەپپەرەسلىكمۇ ئوخشاشلا سۆزچىلىككە ياتىدۇ. ئۇلار ئەل ئارىسىدا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك تۇغدۇرىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىكى نەتىجىسىدە ھەتتا پۈتۈن ئەل ھالاك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سۆزچىلەرگىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك، ئۇلارنى ئۆيگە، جامائەت سورۇنلىرىغىمۇ يولاتماسلىق، ئۇنداق ئادەملەرگە ئىمتىياز بەرمەسلىك، ئۇلارنى تارىخا ئالماسلىق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك. بالىلارغا بەرگەن تەلىم - تەربىيىمىزمۇ ھەم سۆزچىلەر بىلەن ئۆلپەت بولماسلىق، ھەم ئۆزىمۇ سۆزچىلىك بازارىغا كىرىپ قالماسلىقى ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلىپ تۇرۇش كېرەك.

ئايتولدى يۇقىرىقى نەسىھىتىدە يەنە «سىنالغان ئىشەنچلىك دوستۇڭنى چىڭ تۇت، ئوبدان ئادەمدىن ساڭا كۆپلەپ پايدا كېلىدۇ.

① «قۇران كەرىم» 111 - سۈرە مەسەد 1 - 5 - ئايەت. 352

بەت 361

دۇ» دەيدۇ. بۇ يەردە دەۋاتقان پايدا كېلىدۇ، دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ دوستنى پايدىنى كۆزلەپ تۇتۇش مەنىسىنى بەرمەيدۇ. باشقا بىر جايدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ، دوست دېگەننى خۇدالىق ئۈچۈن تۇتۇش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلغان. بۇ يەردە دەۋاتقان كۆپ پايدا، دوستلار دېگەن ياخشى - يامان كۈنلەردە ئەسقاتىدۇ، يانتاياق بولىدۇ، خۇشاللىقىڭغا ئورتاقلىشىدۇ، غەم - قايغۇڭغا مۇڭداش بولىدۇ، دېگەن مەنىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئادەمنىڭ ھەقىقىي جان كۆيەر دوستقا ئېرىشمىكى تولىمۇ تەسى. ئادەمنىڭ كۈنلىرى ئىشەنچلىك، كۆيۈملۈك دوستلار بىلەن تېخىمۇ شېرىن بولىدۇ، ھاياتنىڭ مۇشەققەتلىرى بىلىنمەيدۇ. دۈشمەنلىك بولۇش ئادەمنىڭ يېگىنىنى زەھەر، كىيگىنىنى كېپەن قىلىدۇ. شۇڭا دوستلارغا كۆيۈنۈشنى، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان، خۇشاللىقىغا جور بولۇشنى بىلىش كېرەك. دوست دېگەن ياخشى كۈنلەردە بولسۇن، يامان كۈنلەردە بولسۇن ھەر قاچان غەمگۈزار بولالسا، ئۇ ھەقىقىي دوست، ئەگەر دوستى يامان كۈنگە قالغاندا ئۆزىنى تارتىقان دوست دوست ئەمەس، بەلكى تۇزكوردۇر. ساداقەت دېگەن بۈيۈك پەزىلەت، ساداقەتسىزلىك قىلىش پەزىلەت مۇنارىنى كۆمۈرۈكۈم قىلغانلىقتۇر. ساداقەتنى، ئىشەنچنى ئەرزىمىگەن ئىش، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن سېتىۋەتكەن ئادەم ھەقىقىي لەنەت - نەپرەتكە لايىقتۇر. بىراق بىر شەرت شۇكى، دوستنى تاللاپ تۇتۇش كېرەك. ئەقىللىق، ياخشى نەسەبلىك، پەزىلەتلىك ئادەمنى دوست تۇتۇشقا ئىشتىراك قىلىش كېرەك. ئەقىلسىز، پەزىلەتسىز، نادان ئادەم ھەرگىزمۇ دوستلۇققا يارىمايدۇ. كونايلار شۇڭا: «نادان دوستتىن، دانا دۈشمەن ياخشى» دەپ تاكاھلاندۇرغان. نادان دوستتىن ئاپەت كېلىشى مۇمكىن، دانا دۈشمەندىن ياخشىلىق يېتىشى مۇمكىن. بۇ خۇسۇستا نۇرغۇن، نۇرغۇن ئىبرەتلىك ساۋاقلار بارلىققا كەلگەن. شۇڭا بۇ ھەقىقەتتىن گۇمانلىنىشقا ئاساسىمىز يوق.

دوستلۇق رىشتىسىنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان ئەڭ قەبىھ

بەت 362

قارا قول سۆخەنسىزدۇر. سۆخەنسىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇزۇن يىللار سىنالغان دوستىغا گۇمانىي نەزەردە قاراپ، دوستلۇق رىشتىسىنىڭ بېغىنى بوشىتىۋېتىش ئەڭ چوڭ ئەقىلسىزلىك ۋە بېچارىلىك بولىدۇ. ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە، ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك. ئادەم ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىنى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىراق چۈشىنىپ تۇرۇپ، يەنە باشقىلارنىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا ئىشىنىپ كېتىش، ئۇ دوستلۇقنىڭ تېخى ھەقىقىي دوستلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇش، بىراق يەنىلا ئۆزىنىڭ كۆڭلى بىلەن ئىش تۇتۇش كېرەك. باشقىلار بۇرنىدىن نەگە يېتىلىسە شۇ يەرگە بارىدىغان گۈل تۆگىدەك بولۇپ قالساق، ئەل ئارىسىدا ئەشەنسىز، تۇيۇقسىز دېگەن ئاتاققا قالىمىز. تۆگە دېگەن يانتاق يەيدۇ، ئادەم دېگەن نان.

ئاتالار ئائىلە تەربىيەسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى پۇختىلىق بىلەن بېسىشقا، ئەل ئارىسىدا ئىشەنچلىك دېگەن شەەرەپلىك ئاتاققا ئېرىشىشكە، ئىشەنچسىز دېگەن ئاتاققا قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئادەم ئىشەنچلىك دېگەن نامغا ئېرىشكەندە نۇرغۇن ئىشلىرى ئۇتۇشلۇق راۋاجلىنىدۇ، بەخت-سائادەت ئىشىكىمۇ داغدام ئېچىلىدۇ، ئەگەر بالىلار ئىشەنچسىزلىك بەتنامىغا قالسىلا پۈتۈن ئىشلىرى تەتۈرگە ماڭىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇلاردىن قاچىدۇ، دۇنيادا يالغۇز قالىدۇ. ئەل ئارىسىدا ئىشەنچلىك دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولۇش نېمىدېگەن كاتتا ئىمتىياز. بۇنداق تولۇق ئىمتىيازغا نائىل بولۇش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئاساس سېلىشلىرى كېرەك.

7. سەۋرلىك ۋە ئېغىر-بېسىق، شېرىن تىللىق بولۇشنىڭ خاسىيىتى

ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ

بەت 363

مۇھىم ۋە گۈزەل ئالامەت بار، ئۇ بولسىمۇ سەۋىردۇر؛ ئادەمنىڭ پەزىلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئالامەت بار، ئۇ بولسىمۇ تىلدۇر، ئۇيغۇر خەلقى ئائىلە تەربىيىسىدە پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېر تەربىيىسى ۋە پەزىلەت تەربىيىسىدە سەۋىرلىك بولۇش بىلەن گۈزەل، شىرىن تىللىق بولۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.

ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە بەرگەن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنىدا سەۋىرلىك، شىرىن تىللىق بولۇشقا دالالەت قىلغان تەربىيە ئۆرنەكلىرىنى كۆرىمىز: «ئوغلۇم، - دەيدۇ ئۇ، - ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ھودۇقما، ئېغىر - بېسىق، سەۋىرلىك، تەمكىن بول. سەۋىرلىك ۋە شىرىن تىللىق بولساڭ بەخت ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ. ھەرقانداق سورۇندا تىلىڭنى كۆزەتكىن، كۆزۈڭگە ھەم ئېھتىيات قىل، نەپسىڭنى يىغىپ ھالال يېمەكنى ئادەت قىل. ئېغىزىڭغا غىزانى ئاز - ئازدىن لۇقما ئەت.» (1311 - 1312)

سەۋر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ كاتتا روھىي نېمەتلەرنىڭ بىرى. سەۋىرلىك بولۇش نىھايىتى كۆپ پەزىلەتلەرنىڭ ئاساسى، سەۋىرسىزلىك نۇرغۇن پەزىلەتسىزلىك ۋە گۇناھلارنىڭ ئانىسىدۇر. سەۋىرنىڭ ھېكمىتى ۋە مەنىسى نىھايىتى كەڭ ھەم چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ روھىي ھايات بىلەن ماددىي ھايات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئالىي ئەخلاق بىلەن ئەخلاقسىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پاسىلى، خاراكتېر بىلەن خاراكتېرسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى ئىپادىلەپ بېرىدىغان كۆپ قاتلاملىق مۇناسىۋەت داۋامىدا ئادەمنىڭ چىشى بىلەن ئەركىكىنى، مەردانىلىكى بىلەن زەئىپلىكىنى ئايرىيدىغان مۇھىم پاسىل بولۇپ، ئۇ ئۆزۈن مەزگىللىك روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىش ۋە روھنى تاۋلاش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان ئەخلاق تەلەپلىرىدىن ئىبارەت. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەۋر توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزنى دېگەن: «تەڭرى بىرەر ئادەمگە سەۋىردىن چوڭ ۋە ياخشى نەرسە ئاتا قىلمىغان». ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سەۋر - چىدام نېسىپ قىلىنمىغان

355

بەت 364

بولسا، ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ھەر خىل كۈلپەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرەلمىگەن، ئاغرىق - سىلاق، ئۆلۈم - يېتىمنىڭ ئەلەملىرىگە تاقەت قىلالمىغان ۋە ھەتتا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلغان بولاتتى. كىشىلەر پەقەت روھىدا مۇجەسسەملەنگەن سەۋر - چىدام كۈچى بىلەن يۇقىرىقىدەك ئازابلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق بىلەن ھايات يولىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.

سەۋرنىڭ يەنە بىر ھېكمىتى شۇكى، ئۇ كىشىلەرنى تەمكىن، ئېغىر - بېسىق قىلىدۇ. شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلايدۇ. غەزەپنى تەرىك ئېتىپ، ئەپۇنى دوست تۇتۇشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا ھەدىستە: «ھەقىقىي باتۇرلۇق چېلىشىش بىلەن ئەمەس، پەقەت غەزىپى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش بىلەن بولىدۇ» دېيىلگەن. ھەقىقەتەن غەزەپ، ئالدىراڭغۇلۇق، سەۋرسىزلىك ئادەمنى ئەقىلدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خۇسۇستا مۇتەپەككۇرلارمۇ ناھايىتى قىممەتلىك نەسىھەتلەرنى قالدۇرغان: «ئېغىر - بېسىقلىق ھەممە پېئىللار تائامىنىڭ تۇزىدۇر. ئەگەر بىراۋ ئۆز دېمەتلىكلىرىدىن ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە شۇنداق ياخشى ۋە كۆپ پەزىلەت ھەم ھۈنەرلەرنى ھاسىل قىلغان شۇنداقلا بارلىق زامان ئەھلى ئۇنىڭ تەربىيەنى قىلغۇدەك دەرىجىدە ياخشى پېئىللارنى جەم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زاتىدا يەڭگىللىك ۋە ئالدىراڭغۇلۇق ھەمراھ بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھەممە ھۈنەرلىرى خۇددى تۇزسىز تائامغا ئوخشاش بىمززە بولۇپ، خالايىقنىڭ تەبىئىتىگە ياقمايدۇ - دە، ھېچكىم ئۇنىڭغا رىغبەت قىلمايدۇ. ئالدىراڭغۇلۇق ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ سۈپىتى ئەمەس، بەلكى ئۇ شەيتاننىڭ قۇترىتىشىدىن كېلىپ چىققان بىر ئىشتۇر.» ① ھەرقانداق كىشى ئىشنىڭ بىناسىنى سەۋر ۋە چىدام


① «كەلىلە ۋە دېمىنە» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 - يىل نەشرى، ئۇيغۇرچە، 553 - بەت.

بەت 365

ئۈستىگە قويىمىسا، مۇھىم ئىشلارنىڭ داۋامىنى ئېغىرلىق ۋە يۇۋاشلىق بىلەن مۇستەھكەملىمىسە، قىلغان ئىشىنىڭ ئاخىرى مالامەتكە بېرىپ توختايدۇ. ئەھۋالنىڭ ئاقىۋىتىدە ھەسرەت - نادامەت تارتىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىراق سۈپەت ئاللا ئادەمنى ياراتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا زىننەت بەرگەن ۋە پۈتۈن ئالەم ئەھلىگە ئۇنىڭ بەرىكىتىدىن شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇق بەرگەن سۈپەت - ئېغىرلىق ۋە يۇۋاشلىقتۇر. شۇڭا نەسىھەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى سەۋر قىل، غەزەپلەنمە دېگەن كەلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ كەلگەن. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ماڭا نەسىھەت قىلىسلا دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «غەزەپلەنمە» دېدى. ئاندىن ئۇ ئادەم يەنە بىر قانچە قېتىم بۇ تەلەپنى تەكرارلىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا «غەزەپلەنمە» دېدى. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستىن)

سەۋرنىڭ يەنە بىر خاسىيىتى شۇكى، ئۇ ئادەمگە ئىرا دە، چىدام ئاتا قىلىدۇ. سەۋرنىڭ ئەسلى مەنەسىمۇ چىدام ۋە رازىلىق دېگەن بولىدۇ. ھەقىقىي ئىىرادىلىك، چىداملىق ئادەملەر سەۋرلىك بولىدۇ، غەيرەتسىز، ئىىرادىسىز، خاراكتېرى بوش ئادەملەرنىڭ سەۋر قاچىسى ئۇزاقتىلا يېرىلىپ كېتىدۇ - دە، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ. «ھەر كىم زامان ھادىسىلىرى ئوق ياغدۇرغاندا سەۋر قالقىنىنى يۈزىگە تۇتسا، ئەلۋەتتە ئۈمىد ئوقى مۇرات نىشانىغا تېگىدۇ ۋە ئۇ بالالاردىن ھېچ زەرەر يەتكۈزمەيدۇ. سەۋر شادمانلىق ئاچقۇچىدۇر. راھەت ئىشىكى ئۇ ئاچقۇچتىن ئۆزگە ئاچقۇچ بىلەن ئېچىلمايدۇ» ①.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يەنە بىر سەھىپىسىدە سەۋرنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا مۇنداق مىسرالارنى تىزىدۇ:

357

بەت 366

557 ئالدىرىماي كۆڭۈللۈك ئىشقا پېيىتنى دەل، ھەي ھېكىم، ئىش بولۇر ئۆز پېيىتتە ھەل.

587 ئالدىراش قىلما ئىش، سەۋر بىرلە قىل، ئالدىراپ قىلغان ئىش تاپنا پۇشمان، بىل.

بىراق سەۋرنىڭ مەنىسى كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا قوبۇل قىلىنغان: سەۋرلىك، سەۋرنى كۆرەش قىلماي، تىرىشچانلىق قىلماي، ھەرقانداق زۇلۇم ۋە ھاقارەتكىمۇ باش ئېگىش، ئۇ ئىشلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىشىگە تەشنا بولۇپ كۈتۈپ تۇرۇش دەپ چۈشىنىۋالغان. ئەمەلىيەتتە سەۋر دېمەك ھايات يولىدا دۇچ كەلگەن ھەرقانداق مۇشەققەتلىككە باش ئەگمەي باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەش، مەقسەتكە يەتمىگۈچە قەدەم توختاتماسلىق دېگەن مەنىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. ئەگەر ئادەم بىرەر ئىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ئىشنى چىدام، غەيرەت بىلەن تاماملىمىسا قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بىر ئىشنىڭ يېرىمىغا كېلىپلا بەل قويۇۋەتكەنلىك ھەقىقىي سەۋرسىزلىك بولۇپ، ئۇنداق ئىش خاراكتېرنىڭ بوشلۇقىدىن، ئىراىدىنىڭ سۇسلۇقىدىن، ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىدىن يۈز بېرىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرەزەنت تەربىيىسىدە بالىلارنى سەۋرلىك قىلىپ تەربىيىلەش تەلىپىنى قويىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار بالىلارنى روھىي جەھەتتىنمۇ، جىسمانىي جەھەتتىنمۇ چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى تاۋلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشلىرى كېرەك. بىرەر مۇشەققەتكە دۇچ كەلمىگەن، تۇرمۇشتا بەزى زەربىلەرگە ئۇچرىمىغان بالىلار تاسادىپىي يۈز بەرگەن بەزى ئۇقۇشۇسزلىقلار ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىزدۇر.

يۇقىرىقى نەسىھەتنىڭ مەزمۇنىدا ئايتولدى ئۆگدۈلمىشكە تىل…

بەت 367

غا ھاكىم بولۇشقا، شېرىن سۆزلەرنى دېيىشكە، قوپال سۆزلەرنى ئېغىزدىن چىقارماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئادەم تەمكىنلىكىنى يوقاتقاندا، غەزەپ قايناپ - تاشقاندا دېمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ قالىدىغان، قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ قالىدىغان ئىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ھەر قانچە ئاچچىقى ئۆرلەپ تاشقاندىمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا، ئېغىزدىن يارامسىز، پەزىلەتكە يات بولغان گەپ - سۆزلەرنى چىقارماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ھەر قانداق ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق يامان تىلنىڭ زەھىرى ئۆمۈر بويى چىقىپ كەتمەيدۇ. ئەسكى تىللىق ئادەم ئەل ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ئۆزى تۆكىدۇ.

يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان كۆزۈڭنى كۆزەتكىن، گېلىڭغا ھېزى بول، ئاز - ئازدىن لۇقما يەت دېگەن سۆزلەرنىڭمۇ تەربىيىۋى قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. پەزىلەتلىك ئادەم قارىمايدىغان نەرسىلەرگە، قارىمايدىغان ئىشلارغا قارىمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇيانغا، بۇيانغا قاراپ كەتكەندە ئەدەپسىزلىك بولىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىدە، تەقۋادار كىشىلەر غەرزىمىگەن نەرسىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ باھا بەرگەن. غەرزىمىگەن ئىشلارغا سەپسىلىش ئادەمنى چاكىنا ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. يەنە بىرى، بالىلارغا باشقا كىشىلەرگە تولۇمۇ تىكىلىپ قارىماسلىققا، ئاياللارغا شەھۋانىي نەزەر بىلەن قارىماسلىققا، كىشىلەرنىڭ دېرىزىسىدىن، ئىشىكىدىن مارايدىغان يامان قىلىقلارنى قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

غىزالىنىشمۇ پەزىلەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر كۆزگۈ. بۇنىڭدىمۇ نۇرغۇن قائىدە - يوسۇنلار بار. بۇ خۇسۇستا، بالىلارنى گال ئاۋارىسى بولۇپ قېلىشتىن توسۇش، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قولنى پاكىز يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، تاماقنى ئۆرە تۇرۇپ ئەمەس، ئولتۇرۇپ يېيىشكە دەۋەت قىلىش، تاماقنىڭ بارىغا قانائەت قىلىدۇ.

بەت 368

غان، تاماق تاللىمايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، تاماقنى ئوڭ قول بىلەن يېيىشنى ئۆگىتىش، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن بىسمىللا دېيىشكە دەۋەت قىلىش، تاماقنى خارلىماسلىق، بۇزۇپ، چاچماسلىققا ئۆگىتىش قاتارلىق پەزىلەت تەلەپلىرىنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

  1. بالىلارنى راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىككە ئۆگىتىش تەلەپلىرى

ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە بەرگەن پەزىلەت تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىدا ئەل ئارىسىدا راستچىل، سەمىمىي، مەردلىك نامى بىلەن ئۇلۇغلىنىشنى، يالغانچى، كاززاپلىق بەتنامىغا قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز: «بالام، تىلىڭدىن ھەرگىز يالغان سۆزنى چىقارما، تىلىڭدىن چىققان شۇ يالغان بىلەن ئۆزۈڭنى خار ۋە بېئېتىبار قىلىسەن.» (1326) يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەربىيەسىدىمۇ راستچىللىققا، سەمىمىيلىككە دەۋەت قىلغان بايانلىرى خېلى كۆپ سەھىپىنى ئىگىلىگەن: «بىلىش كېرەككى، سەن ئۈچۈن پايدىسىز بولغان مۇنداق ئۈچ نەرسە بار. بىرى، كاجلىق ۋە قىلىقتا ياۋۇزلۇق؛ يەنە بىرى، سۆزدىكى يالغانچىلىق؛ ئۈچىنچى، بېخىللىق. كىمكى يالغانچىلىق بىلەن ئاتالسا، بۇ ئەسكى نام ئۆلگۈچە پېشانىدىن كەتمەيدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىكنى مەردلىكنىڭ، ھەققانىيلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ: «ھەقىقىي مەرد، چىن ئەر شۇكى، يۈرىكىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ئەل ئارىسىدا ئوياتماي يۈرەلىسە بولىدۇ.» بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنتلىرىنى سەمىمىي بولۇشقا دەۋەت قىلىپ قىلغان مەشھۇر خىتابى.

ئۆز دەۋرىدە راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىكنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ؟ چۈنكى راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىك ئادەمنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىنى سنايدىغان ئەڭ ئېنىق ئۆلچەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بەت 369

لۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئىسلام ئەقىدىسىدىمۇ مۇھىم ئەخلاقىي پىرىنسىپ سۈپىتىدە دەۋەت قىلىنغانلىقىدا. ئابدۇل مەلىك ئىبنى مەرۋان ئۆزىنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەيدىغان كىشىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كىچىك بالىلارغا خۇددى قۇرئان كەرىمنى ئۆگەتكەندەك راستچىل بولۇشنى ئۆگەتكىن، ئۇلارنى گۈزەل ئەخلاققا ئۈندە، ئۇلارغا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرسەن، يۈرەكلىك، باتۇر بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇلارنى مۆتۈۋەر، مۇيسىپىت كىشىلەر بىلەن، ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت قىل. ئۇلارنى تۆۋەن تەبىقە كىشىلەردىن يىراق تۇت. چۈنكى ئۇلار (كۆپىنچە ھاللاردا) ئەدەپسىز كېلىدۇ. ئادەم يوق يەردە ئەدەپلەپ تۇر، يالغان گەپ قىلسا ئۇر، يالغان گەپ ئەخلاقسىزلىققا چاقىرىدۇ، ئەخلاقسىزلىق دوزاخقا چاقىرىدۇ.» ① ئىسلام ئەخلاقى پىرىنسىپلىرىدا يالغانچى ئادەمدە مۇناپىقلىقتىن بىر ھەسسە بولغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. راستچىللىق ھەققانىيەتچىلىك بىلەن تەڭ تۇرىدۇ. دېمەككى، ھەققانىيەتچى ئادەم راستچىل ئادەمدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «نىجات - راستلىقتۇر» دېگەن. مۇسۇلمانلار راستچىللىق ۋە سەمىمىيەتنى ئەخلاقنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى دەپلا قارىماستىن، بەلكى ئۇنى ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ تولۇقلىمىسى دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئىسلام پۈتۈن ئىنسانلارنى راستچىل بولۇشقا بۇيرۇغان: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» (تەۋبە 119 - ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «راستچىللىقنى چىڭ تۇتۇڭلار، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم داۋاملىق راستچىل بولىدۇ ۋە راستچىللىقنى چىڭ تۇتۇدۇ. ئاخىرى ئاللاھنىڭ قېشىدا راستچىل دەپ يېزىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، يالغانچىلىق بۇزۇقچىلىققا باشلايدۇ، بۇزۇقچىلىق دوزاخقا باشلايدۇ.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلدى).

بەت 370

يەت قىلغان) دېمەك، راستچىللىق ياخشى ئەخلاقنىڭ نەمۇنىسى، يالغانچىلىق يامان ئەخلاقنىڭ ئىپادىلىنىشى. پەرزەنتلەرنى ھاياتى دۇنيادا پاك، گاڭگۇك، ھۆرمەتلىك، قەدىر-قىممەتلىك بولسۇن دېگەن ئادەم ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ راستچىللىققا ئادەتلەندۈرۈش، يالغانچىلىقتىن توسۇش مەجبۇرىيىتى بار. راستچىل بولۇشنىڭ تەلەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، گەپ-سۆزلەردە راستچىل بولۇش. گەپ-سۆزدىكى راستچىللىق ھەققانىيەتچى، قەلبىنىڭ پاك بولغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى. يالغانچىلىق ناپاكلىققا دەلىلدۇر. ئۇنى مۇناپىقلىق جۈملىسىدىن ھېسابلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ خىل ئالامىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىرىنچى ئالامىتىنى «سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ»① دەپ سۈپەتلىگەن. ئىككىنچى، مۇئامىلىدە راستچىل بولۇش. مۇئامىلە، مۇناسىۋەتتە راستچىل بولۇشقا ئۆگىتىش كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچىگە بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر كىشىلەردە ئىشەنچ كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، بىر-بىرىگە خىيانەت قىلىشتىن باشقا نېمە قالىدۇ. دېمەك مۇئامىلىدىكى يالغانچىلىق خىيانەتكار قىلىپ قويىدۇ. ئۈچىنچى، ئىرا دە قىلغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېرىم يولدا يالتىيىۋېلىشمۇ يالغانچىلىقتۇر. ئۇيغۇرلاردا: «ئەر سۆزىدىن يانماس، يولۋاس ئىزىدىن» دېگەن ئەقىدە بار. يەنە بىر تەمسىلدە: «ئەرنىڭ سۆزى بىر، ئۆگەرنىڭ كۆكى ئۈچ» («تۈركىي تىللار دىۋانى» 2-توم 413-بەت) دېيىلگەن. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەردلىك خىتابى. مەرد ئادەم دەيدۇ، قىلىدۇ، نامەرد ئادەم دەيدۇ، قىلمايدۇ. بالىلار بىرەر ئىشقا ئىرا دە


① بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

بەت 371

قىلغان بولسا، ئىككىلىنىمەي ئۇ ئىشقا كىرىشىشى ھەم ئىشنى ئاخىرىغا يەتكۈزۈپ چىقىشى لازىم. يېرىم يولدا يالتىيىۋالغان ئادەم كاززاپ، يالغانچى، چىدامسىز ئادەمىدۇر. بۇنداق خاراكتېردىكى بالىلار ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.

تۆتىنچى، ۋەدىدە راستچىل بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. نېمىگە، كىمگە ۋەدە قىلغان بولسا، ئۇنى ئەستايىدىل ئورۇنلاش راستچىللارنىڭ ئۆلگىسى. ئۆمرىدە يالغان سۆزلىمەسلىك، قىلغان ۋەدىسىدىن يېنىۋالماسلىق كېرەك. رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئابدۇللا ئىبنى ھۈسەيندىن مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭغا بىر نەرسە تەييارلاپ ئەكىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدىم. ئۇ شۇ ۋەدىلەشكەن يەردە تۇرۇپ تۇرۇشقا ۋەدە بەردى. لېكىن مەن ئۇنتۇپ قېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېسىمگە كەلدى. كەلسەم ئۇ ۋەدىلەشكەن ئورۇندا تۇرۇپتۇ. ئۇ: ئەي يىگىت، سېنى كۈتۈپ ئۈچ كۈندىن بېرى مۇشۇ يەردە تۇردۇم. مېنى خېلى تەستە قويدۇڭ، دېدى.» شۇڭا پەيغەمبەرلىككە راستچىل ئادەملەردىن تاللانغان.

بەشىنچى، ئىچ - تېشى بىردەك بولۇش يەنى سەمىمىي بولۇش تەلەپى. ئۇيغۇرلار تىلى بىلەن دىلى، دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىر خىل بولغان ئادەملەرنى راستچىللاردىن ھېسابلايدۇ. ئەكسىچە بولسا يالغانچى ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقىي راستچىل ئادەم ئوچۇق - ئاشكارا بولىدۇ، يوشۇرۇنالمايدۇ. ئالدىدىمۇ، ئاخىرىدىمۇ بىر خىل بولىدۇ، كۆرۈنۈشتىمۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ بىر خىل بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ياسالما بولىدۇ. ئۆزىنى ئۆزىدە يوق نەرسىلەر بىلەن ماختايدۇ، ئۆزىدە يوق نەرسىلەر بىلەن بېزەيدۇ. سۈنئىيلىك قىلىپ ئارتۇق تەكەللۇپ قىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەرگە قارىتا: «يوق نەرسە بىلەن تويغۇچى، يالغان كىيىم بىلەن كىيىنگەنگە ئوخشايدۇ» دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى ئۆزىنى باي - باياشات كۆرسىتىش ئۈچۈن يېمىگەن نەرسىلەر بىلەن ماختانغان. يەنە بىرى، مانداق نەرسىلەرنى

363

بەت 372

يېدۇق دېيىش، ئۆزى نامرات تۇرۇقلۇق باي كۆرسىتىش ئۈچۈن نوچى كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، ھەتتا باشقىلارنىڭ كىيىمىنى كىمىد- ئېلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئۆزىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن ئاددىي - ساددا كىيىم كىيىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ياسالما قىلىقلارنىڭ ھەممىسى يالغانچىلىققا كىرىدۇ. ئادەم دېگەن ئۆزىنىڭ تۇرقى بىلەن كۆرۈنۈشى كېرەك، بولمىسا ئوچۇقتىكى ئۆتۈنە ئالغان كىيىملەرنى سالدۇرۇۋالسا يالغاچ قېلىپ رەسۋا بولىدىغان گەپ. ھازىر تۇرمۇشىمىزدا بۇ خىلدىكى يالغانچىلار تولىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. بىر ئايدا بىر تويغا بارغان بولسا ئون تويغا باردىم دەپ ئۆزىنى باردى - كەلدىسى جىق ئادەم قىلىپ كۆرسىتىدىغان، ھەجگە بارغۇدەك ئىقتىسادىي ئەھۋالدا ئەمەس تۇرۇپ، زورلاپ ھەجگە بېرىپ ئۆزىگە قەناەت تىكلەش، شۇنچە كۆپ مال - دۇنياغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا جۇلدۇر - كېپەن، قاسماق يۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يالغانچىلىقتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى تەربىيەسىزلىكتۇر.

راستچىللىق ئادەمگە روھىي خاتىرجەملىك، ئوچۇق - يورۇقلۇق، ئەل ئارىسىدا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. يالغانچى ئادەمنىڭ روھى ھەرگىز خاتىرجەم بولالمايدۇ. يالغانچى ئادەم مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدىمۇ يالغۇز قالىدۇ. راستچىللىق ئىشلارغا قۇتۇق، بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ. يالغانچىلىق ئاخىرى زاۋاللىققا سەۋەب بولىدۇ. تەلىم - تەربىيىدىكى راستچىللىققا ئۆگىتىش، يالغانچى بولۇپ قېلىشتىن توسۇش، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بەختسىزلىكلەر ئۈچۈن سېلىنغان مۇداپىئە قورغىنى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل تەربىيە ئۆنۈم كۆرسىتىدىغان بولسا، پەرزەنتلەر ياخشى، ساغلام خاراكتېر، مەردلىك، سەمىمىيلىك، ئوچۇق - يورۇقلۇقنى يېتىلدۈرۈشتە قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ھازىر كىشىلەر يالغانچىلىقنى ماھارەت ھېسابلايدىغان بىر خىل ئەنتىيىن ناچارخاھىش ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاتا - ئانىلار بالىلارغا شۇنى

بەت 373

ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە ئادەم يالغانچىلىق بىلەن بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتەلىسىمۇ ئۆتۈۋالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئارقىلىق مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆلۈمنى سالغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا «يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام» دېگەن ھېكمەت بىكارغا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

  1. كەمتەر بولۇش، تەكەببۇر بولماسلىققا ئۆگىتىش كەمتەرلىك، ئاددىي-ساددىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاراكتېرىدىكى ياخشى پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل پەزىلەت ئەل ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، بىر-بىرىنى قوللاش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، چوڭلارغا ھۆرمەت، كىچىكلەرگە ئىززەت قىلىشتەك ئادىمىيلىك پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر-بىرىنى پەس كۆرۈش، كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق، بىر-بىرىگە غادىيىش، مەنەمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئەخلاقنى يامان كۆرۈپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت ئەخلاقىدا چوڭ-كىچىك، بىلىملىك-بىلىمسىزلىك پەرقى روشەن ئىپادىلەنگەن بىلەن، كەمبەغەللىك، ئەمەلدار ۋە پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان يامان ئادەت ئانچە روشەن ئىپادىلەنمىگەن، يەنى مۇئامىلە-مۇناسىۋەتتە ئەمەلدارلارغا قولچىلىق قىلىدىغان، بايلارغا تەمە بىلەن ئېگىلىدىغان، كەمبەغەللەرنى تۆۋەن كۆرۈپ غادىيىۋالىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن يات قىلىقلار بولۇپ، ھەرگىز قوبۇل كۆرۈلمەيتتى. ھەرقانداق ئادەمگە ئادىمىيلىك مۇناسىۋەتتە بولۇش تەلەپ قىلىنغان. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدىسىدە مال-دۇنياغا زاۋاللىق يېتىدۇ، ئاۋام مەڭگۈلۈككە ئىگە، ئەمەلدارلىقمۇ ئۆتكۈنچى نەرسە، ئەل-جامائەت مەڭگۈلۈككە ئىگە، ئادەم يىقىلسا يەنىلا ئەلنىڭ ئېتىكىگە يىقىلىدۇ. شۇڭا ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە مەغرۇرلىنىپ، كىشىلەرگە بويۇنتائولۇق قىلغان ئادەم كېيىن زاۋاللىققا يولۇققاندا
بەت 374

تولىمۇ ئويانقا قالىدۇ، ئەل ئارىسىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈدەك يۈزى قالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھىتىنىڭ مەزمۇنىدا كەمتەر، ئاددىي - ساددا بولۇشقا، مال - دۇنياغا تەمەننا قويۇپ كىبىرلىمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ:

«بالام، بەختكە ئېرىشكىنىڭدە كىبىرلىپ ھەددىڭدىن ئاشمىغىن، ھەرقاچان ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى شەرەپ بىلگىن. دۇنيا كېلىدۇ ھەم كېتىدۇ. بۇ ئۆتكۈنچى دۇنياغا ئىشەنمە. چاپسان قېرىيدىغان دۆلەت (مال - دۇنيا) كىمۇ ئىشىنىمەن. قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدىغان تىرىكلىككىمۇ ئارتۇق بېرىلىپ كەتمە. قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدىغان بۇ بەختكىمۇ ئۈمىد باغلىما، ھاياتىڭنى زايه قىلماي دېسەڭ ياخشىلىق قىل. بۇ ئۆتكۈنچى كۈنلەردىن كۆپرەك ئىبرەت ئال» (1330 - 1333).

يۇقىرىقى نەسىھەتنى قىلىۋاتقان ئادەم دۆلەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمىرنىڭ ئوغلىغا قىلىۋاتقان نەسىھىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمىزدە، ئۆز دەۋرىدىكى يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تەلەپ - پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىگە يۇقىرىدەك تەلەپ قويۇشقا، جەمئىيەتتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئانچە ئېغىر بولمىغان. پادىشاھلار ھەتتا ئۆزىنى ئەلنىڭ ھۆكۈمدارى، زوراۋانى دېمىگەن، بەلكى ئەلنىڭ چاكىرى، پادىچىسى دەپ قارىغان. ئۇلار ئەلنى روناق تاپقۇزۇش، ئۇلارنى پەرۋىش قىلىش، ئاسرىغاندەك ئاسراش ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى پۇقرالارنى نامرات كۆرۈپ، ئۇلارغا پەس نەزەر بىلەن قاراشنى ئۆزى ئۈچۈن ھاقارەت ۋە ئەيىب بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. پۇقرالارمۇ ئۆزىنىڭ خاقانلىرىنى ھۆرمەتلىشى، ئۇلارنىڭ ئەمىر - پەرمانىنى بەجاندىل ئىجرا قىلىشنى ئۆزلىرىگە پەرىز بىلىشكەن. مانا شۇنداق بىرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئورتاق مەقسەت بولغاندىلا، ئەلدە گۈللىنىش، ساداقەت

366

بەت 375

بولىدۇ. بىز شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخىدا خەلقنىڭ پادىشاھلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن خاتىرىلەرنى كۆپ ئۇچراتمايمىز. بۆلۈنۈش، يىمىرىلىش، سىرتقى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ياكى ئوردىدا ئەمەلدارلارنىڭ نەپسى-يەتچىلىكى سەۋەبلىك پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى ياكى زاۋال تاپقانلىقىنى بىلىمىز.

ئايتولدىنىڭ ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھەتلىرىنىڭ بىر مەزمۇنىدا: «پادىشاھلارنىڭ كەينىدىن يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلما. ئەگەر قۇلۇقۇڭدىن كەلسە ياخشىلىق قىلىش يولىنى تۇت. خەلقنىڭ مال-مۈلكىدىن، ئاممىنىڭ توپلىمىدىن يىراق تۇر» (1313-1314) دېگەن دەۋەتلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، ئەلنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بۇنداق ئىشلارغا يېقىن يولىماسلىققا دەۋەت قىلىنغاندۇر.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەمتەرلىك ۋە ئاددىي-ساددىلىق خاراكتېرى ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام ئەقىدىسى ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئەقىدە ئاساسىغا ئىگە قىلىنغان. ئىسلام دىنىدا كەمتەر بولۇشقا دەۋەت قىلىنىدۇ، ھاكاۋۇرلۇق سۆكۈلىدۇ. كەمتەرلىكنى بۈيۈك ئەخلاق دەپلا قارىماي، بەلكى ئەقىدىنىڭ بىر مەزمۇنى دەپ قارايدۇ. لۇقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىدە: «كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.» (لۇقمان سۈرىسى 17-18-ئايەت) دېگەن ئايەت پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەقىدە تەلىپى قويۇلغان. قۇرئاندا يەنە مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بار: «سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە گەدەڭنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى قەبىھ بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا

بەت 376

ياماندۇر.» (ئىسرا سۈرىسى 37 - 38 - ئايەت) ئىسلام دىنىدا يەنە كىشىلەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان بىر پىرىنسىپلىق ئەقىدە بار. ئۇ بولسىمۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر ئاتا - بىر ئانىدىن تۇغۇلغان. بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەم ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىمتىياز جەھەتتە يۇقىرى ياكى تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىدىن يۇقىرى ۋە تۆۋەن بولۇشى نەسەبى، بايلىقى، ئەمەل - مەنسىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى تەقۋادارلىقى بىلەن بولىدۇ، دېگەن كۆرسەتمىدىن ئىبارەت.

بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئەبۇ سەئىد ئەلبۇ خۇدرىغا: كىشىلەر ئىچىدە پەيدا بولغان كىيىش، قاتناش ۋە يېمەك - ئىچمەك توغرىسىدا قانداق قارايسەن؟ دېگەندە، ئەبۇ سەئىد ئەلبۇ خۇدرى مۇنداق دېدى: ئەي قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، ئاللاھ ئۈچۈن يە، ئاللاھ ئۈچۈن ئىچ، ئاللاھ ئۈچۈن كىي، ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇش، ئابرۇيپەرەسلىك، ماختىنىش ئارىلاشقان ھەرقانداق ئىش گۇناھ ۋە ئىسراپخورلۇق بولىدۇ. ئۆي ئىشلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرنەك بولغاندەك قىل. ئۇ ماللارغا يەم بېرەتتى، تۆگە باغلايتتى، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتى، قوي ساغمايتتى، كەش تىكەتتى، كىيىملىرىنى يامايتتى. خىزمەتچىسى بىلەن بىللە تاماق يەيتتى، ئۇ ھېرىپ قالسا ياردەملىشەتتى، بازاردىن ئۆزى نەرسە سېتىۋالاتتى، ھايا ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ كېلىشتىن توسۇپ قالمايتتى. باي - كەمبەغەل، چوڭ - كىچىك ھەممىسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى. مەيلى چوڭ ياكى كىچىك، ئاق تەنلىك ياكى سېرىق تەنلىك، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن ناماز ئوقۇيدىغان بولسا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ھەممىدىن بۇرۇن سالام قىلاتتى.» بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانلارغا كەمتەرلىك، ئاددىي - ساددىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكەنلىكى چىقىدۇ. مۇسۇلمانلار كەمتەرلىكنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى دەپ ئەقىدە قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھى…

بەت 377

ھېسسالامنىڭ دەۋەتلىرىدىمۇ كەمبەغەللىككە بۇيرۇلغان ناھايىتى كۆپ ھەدىسلەر خاتىرىلەنگەن: «ئاللا ئۈچۈن كەمبەغەللىك قىلغان ئادەمنى ئاللا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). «ھاكاۋۇر كىشىلەر قىيامەت كۈنى ئادەم شەكىلدە زەررىچىلىك چوڭلۇقتا ھەشر قىلىدۇ. ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن خورلۇق باسىدۇ. ئۇلار بولۇس دەيدىغان جەھەننەمگە ھەيدىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتى ئۇلارغا تۇتىشىدۇ. ئۇلارنى دوزاخ ئەھلىنىڭ زەھىرىدەك يىرىڭى بىلەن سۇغىرىدۇ.» (نەسەئى، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللا ماڭا سىلەرنىڭ كەمبەغەل بولۇشۇڭلارنى ۋەھىي قىلدى، ھەتتاكى ھېچكىم ھېچكىمدىن ئۆزىنى چوڭ تۇتمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە زۇلۇم - تاجاۋۇزچىلىق قىلمىسۇن» دېگەن. مانا يۇقىرىقىدەك دەۋەتلەر ۋە ئۈلگىلەرنىڭ شان - شەرىپىدىن يۇقىرى تەبىقىلەر بىلەن تۆۋەن تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدا شۇنداق ھۆرمەت، ئېھتىرام بارلىققا كەلگەن. ھەتتا يۇقىرى تەبىقە ئەربابلارمو كەمبەغەللىكتە نەمۇنە بولۇش ئۈچۈن ئاجايىپ تەسىرلىك ئۈلگىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆيىگە بىر كېچىسى مېھمان كەلگەن. ئۆمەر خەت يېزىۋاتاتتى. چىراغ ئۆچۈپ قالغىلى تۇردى. مېھمان ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغنى ئوڭشاپ قويۇشقا تەمشەلۈۋىدى، ئۆمەر مېھمانغا: مەرد ئادەم مېھماننى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ، دېدى. مېھمان: ئەمسە خىزمەتچىڭىزنى ئويغىتاي دېگەندە، ئۆمەر: ئۇ ئەمدى تۇنجى ئۇيقۇسىنى ئۇخلىدى، ئويغاتما، دەپ ئۆزى چىراغنىڭ قېشىغا بېرىپ، چىراغقا ياغ قويدى. مېھمان ئۇنىڭغا: ئەي ئەمىرۇلمۆمىنۇن ئۆزىڭىز تۇردىڭىز - دە، دېگەندە، ئۆمەر ئۇنىڭغا جاۋابەن: مەن بارغاندىمۇ ئۆمەر ئىدىم، ئۆمەر پېتى قايتتىم. مەندىن ھېچنەرسە كېمىيىپ كەتمىدى. ئاللانىڭ دەرگاھىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كەمبەغەل بولغان كىشىلەردۇر، دېدى. بۇنداق ئۆرنەكلەرنى ناھايىتى كۆپ كەلتۈرۈشلەردۇر.

بەت 378

مۇمكىن. بۇ خىل روھ ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا چوققۇر سىڭگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىدە ياراتقان پېرسوناژلار ئارقىلىق كىچىك پېئىللىق، كەمتەرلىك ۋە ئاددىي - ساددىلىقنىڭ ئاجايىپ گۈزەل سىيماسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئەسىردىكى كۈنتۇغدى ئېلىگمۇ، ئايتولدىمۇ، ئۆگدۈلمىشمۇ شۇنچە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت كاتتىلىرى تۇرۇقلۇق ناھايىتى كەمتەر، ئاددىي - ساددا، كىچىك پېئىل، پەزىلەتلىك ئەمەلدارنىڭ ئۈلگىسى. ئۇلار كىشىلەرگە ئاجايىپ تەۋەززۇ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزىنى ھەرگىز چوڭ تۇتمايدۇ، كىبىر بىلەن غادايمايدۇ، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنىڭ توغرا، ھەق پىكىرلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئەسەردە كۈنتۇغدى پادىشاھ بىلەن زاھىت ئودغۇرمىشنىڭ ئۇچرىشىپ، كۆرۈشۈش جەريانىدىكى پەزىلەت ئىپادىسىنى مۇنداق بايان قىلىپ بەرگەن: «كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئەمىرى بىلەن ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېلىگنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. ئېلىگ شۇ زامانلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئودغۇرمىشنى قارشى ئالدى. ئېلىگ ئاۋۋال سالام بەجا كەلتۈردى. زاھىت ئودغۇرمىشمۇ سالامنى ئەليك ئېلىپ، ئېلىگ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. كۈنتۇغدى ئېلىگ ئودغۇرمىشقا ئۆز يېنىدىن ئورۇن كۆرسەتتى. كۆيۈمچانلىق بىلەن ئۇنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قىلىپ ئۆززە ئېيتتى: — ھەي قەدىرلىك زات، پىيادە بۇ يەرگە كېلىپ كۆپ جاپا چېكىپسىز، ھېرىپ - چارچاپسىز (5035 - 5039). ئودغۇرمىشنى ئۇزىتىش ۋاقىتتىكى ئەھۋال مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ئودغۇرمىش ئورنىدىن قوپۇپ قايتىشقا تەييارلاندى. كۈنتۇغدى ئېلىگ ئودغۇرمىشنىڭ قولىدىن تۇتۇپ: — ئازراق ئولتۇرغىن، غىزا كەلتۈرسۇن، - دېدى. مۇلازىملار تۈرلۈك يېمەك - ئىچمەك ۋە غىزىلارنى كەلتۈرۈپ داستىخان سالدى.

بەت 379

يانغا تىزىشتى… ئودغۇرمىش قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئېلىگكە خوشلىشىش سالىمىنى قىلدى. ئېلىگمۇ جاۋابەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك تىلىدى. ئودغۇرمىش كۆنتۇغدى ئېلىگنىڭ ھۇزۇرىدىن قايتىپ چىققاندا، كۆنتۇغدى ئېلىگ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى، ئۇ ئىككىيلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.» (5439 - 5445).

مانا بۇ كەمبەغەللىكنىڭ خاسىيىتىدىن تۇغۇلغان ھۆرمەت ۋە مېھىر - مۇھەببەت. كەمبەغەللىك بولمىغاندا كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتتىن، ھۆرمەتتىن قەتئىي سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا: «تەكەببۇرلۇق شەيتاننىڭ ئىشى، كەمبەغەللىك پەيغەمبەرلەرنىڭ ئادىتىدۇر» دېگەن ھېكمەت بار. شۇڭا تەكەببۇرلۇق سۆكۈلىدۇ، كەمبەغەللىك ماختىلىدۇ. نە كىبىر ئادەم ئەسلى قۇلدۇر، كەمبەغەل ئادەم ھۆردۇر. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، تەكەببۇر ئادەم ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە ئادىيىدۇ، ئۆزىدىن ئۈستۈنلەرنىڭ تاپىنىنى يالايدۇ. ئۇلاردا ئاشۇنداق قۇلچىلىق ئادىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنىڭ ئالدىدا ئادىيىۋېلىشنى ئۆزى ئۈچۈن ئامەت ۋە شەرەپ ھېسابلايدۇ. كەمبەغەل ئادەم ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنى ئۆزى بىلەن ئوخشاشلا ئادەم دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا تەكەببۇرلۇق قىلىشنى، ئۇلارنى مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۇلارغا ئادىيىۋېلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەيدۇ، ئۆزىدىن يۇقىرىلارنىمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئادەم دەپ بىلگەچكە، ئۇلارغا قۇلچىلىق قىلىشقا ۋىجدانى قويمايدۇ. كەمبەغەل ئادەم ئۆزىنى باشقىلار بىلەن باراۋەر چاغلىغان چاغدا، ئۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان يۇقىرى مەرتىۋە ۋە يۇقىرى ئابرۇيغا ئېرىشىپ بولغان بولىدۇ. تەكەببۇر، مەنمەنچى ئادەم كىشىلەرگە ئادىيىپ، تەكەببۇرلۇق بىلەن باشقىلارغا ئاسماندىن قارىغاندا، ئۇ نەزىرىدە تۆۋەن كۆرگەن ئادەم ئاسمانغا چىقىپ، ئۆزىنى چوك تۇتقان مۆتەكەببىر ئۆزىنى ئاسماندىن يەرگە ئۇرۇدۇ. بۇنىڭدىن قىياس قىلغاندا، تەكەببۇرلۇق ئەخلاقسىزلىقلا

بەت 380

ئەمەس، بەلكى ئەقىلسىزلىقتۇر؛ كەمتەرلىك پەزىلەتلا ئەمەس، بەلكى ئەقىل - پاراسەتنىڭ نىشانىسىدۇر. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئائىلە مائارىپ ئەنئەنىسىدە پەرزەنتلەرنى كەمتەر، ئاددىي - ساددا بولۇش، تەكەببۇر، مەنەمچى بولماسلىققا ئادەتلەندۈرۈش ئىلغار ئەنئەنىگە ئايلانغان.

  1. ھاراققا ۋە زىناغا يېقىن بارماسلىق ھەققىدىكى تەربىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيىسىدە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈنگەن مەزمۇن پەرزەنتلەرنى قەبىھ گۇناھ ۋە خارلىققا سۆرەپ كىرىدىغان ياۋۇز ئىللەتمى — ھاراق ۋە زىناغا يېقىن يولاتماسلىق تەلىپىدىن ئىبارەت. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بارلىق سەھىپىلىرىدە، جۈملىدىن باشقا كلاسسىك ئەسەرلەردە ھاراقكەشلىك ۋە زىناخورلۇقنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنىڭ ئىنسانغا كەلتۈرىدىغان زىيان - زەخمىتى بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ نۇقتىدا ئائىلە مائارىپىدىلا ئەمەس، بەلكى مەكتەپ، مەدرىسە مائارىپى، ئوردا ۋە ھەربىي مائارىپ ۋە ئاۋام مائارىپىنىڭ ھەممىسىدە قويۇلغان تەلەپ ناھايىتى قاتتىق بولغان. چۈنكى ھاراقكەشلىك ۋە زىناخورلۇق، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىش ئائىلىنى خانىۋەيران قىلىدىغان دۈشمەن بولۇپلا قالماي، بەلكى دۆلەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدىغان يالماۋۇز ئىكەنلىكى تارىختىكى نۇرغۇن پاجىئەلىك ئاچچىق ساۋاقلار ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان. شۇڭا بۇ خىل تەربىيىنى ئاۋۋال ئائىلىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، ئاندىن جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەردىمۇ قاتتىق بولۇش تەكىتلىنىپ كەلگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» تە ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان ئاتىلىق نەسىھىتىدە بۇ ئىشقا ئالامەت كۆڭۈل بۆلۈپ، ھاراقتىن، زىناخورلۇقتىن ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭ ئىنسانغا كەلتۈرىدىغان زىيان - زەخمىتىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. يۈسۈپ

بەت 381

خاس ھاجىپ بولسا پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاتىسى سۈپىتىدە ئەۋلادلارنى بۇ ياۋۇز دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كۆپ غەم يېگەن.

ئايتولدى مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «بالام، ھەرگىز ھاراققا يېقىن بارما، ھاراق سورۇنلىرىغىمۇ قەدەم باسما، بۇزۇقلۇق يولىنى تۇتما. ھاراق دېگەن بۇزۇقلۇق يولىغا، گۇناھلىق ئىشلارغا باشلايدىغان ئېزىتقۇ، زىنا قىلىپ پاسىق دېگەن نامغا قالما. يۇقىرىقى ناچار قىلىقلار سەندىن مۇبارەك بەختنى ئېلىپ كېتىپ، پېقىرلىق تونىنى كىيدۈرىدۇ. بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: مەيگە يېقىن يولىما، زىنا قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىل، بۇ ئىشلار ساڭا گادايلىق تونىنى كىيدۈرىدۇ. ھاراق دېگەن ئادەمنى مىڭ خىل گۇناھقا پاتۇرىدۇ، زىنادىن يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ، بەختىڭ قاچىدۇ.» (1334 - 1338).

يۇقىرىقى نەسىھەت ئۆرنىكى ھاراق ۋە زىنانىڭ ئەۋلادلارنى خاراب قىلىدىغان زىيان - زەخمىتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنىشى. ھاراق ئىچىش ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەڭ ئۆچۈملۈك چېكىلەنگەن ئىدى. «قۇرئان كەرىم» دە ۋە ھەدىس شەرىپتە ناھايىتى قاتتىق ھۆكۈم بىلەن ھاراقنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا سالىدىغان زىيان - زەخمىتى ئارقىلىق مەنئى قىلىنغان: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى بۇتلارغا چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر. بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللانى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ. سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟» (سۈرە مائىدە 90 - 91 - ئايەت) يۇقىرىقى ئايەتتە ھاراقنىڭ پاسكىنا نەرسە ئىكەنلىكى، ئۇنى ئىچىش ھەم پاسكىنا

بەت 382

قىلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بەختىنىڭ دۈشمىنى، ئار-نومۇسىنىڭ كۈشەندىسى، ھاياتىنىڭ ئېچىقچىسى، بارلىق گۇناھلىق ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى، دوستلار ئارىسىغا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچقۇچى، پاك يولدىن توسۇپ قەبىھ، رەزىل يولغا باشلىغۇچى شەيتان ئىكەنلىكى تونۇتۇلۇۋاتىدۇ. ئادەم توغرا يولدىن ئادىشىپ گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ قالماسلىق، بەختنى قولدىن بېرىپ خارلىق تونىنى كىيمەسلىك ئۈچۈن يۇقىرىقى پاسكىنا قىلىقلاردىن قەتئىي يېنىشقا بۇيرۇۋاتىدۇ.

ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئىستېمال تارىخىدا نۇرغۇن يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپچىقاردى ۋە كەشپ قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىگە پايدىلىق كۆپلىگەن نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۇرمۇشىنى بېيىتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىدىغان، ئۆزىگە - ئۆزى زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ساغلام ھاياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان، نېرۋا سىستېمىسىنى كېسەلدىن چىقىرىپ، ئەقىلنى ئازدۇرىدىغان نەرسىلەرنىمۇ بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇ پاك تۇپراقنى، بىغۇبار ۋۇجۇدنى ناپاكلىق بىلەن بولغاشتى. ھاراق - مانا شۇنداق ناپاك، نىجىس نەرسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆزى بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزىنى ياساپ مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان جېنىغا زامىن بولدى. بەخت - سائادىتىنى بۇزۇش، ئائىلىگە، دۆلەتكە، جەمئىيەتكە دۈشمەنلىك قىلىشتىن بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمىدى. نەتىجىدە نۇرغۇن سەگەك كاللىلار ئەقىلدىن ئېزىپ ئەقىلسىزلارمۇ قىلمايدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشتى. نى-نى باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ بېشى شۇ ھاراق سەۋەبلىك تېنىدىن جۇدا بولدى. ھەشەمەتلىك ئوردا - قەسىرلەرنى مانا شۇ ھاراق گۇمران قىلدى. بەخت ھۇزۇرىغا چۆمگەن ئائىلىلەرگە زەھەرلىك قولىنى سۇنۇپ خانىۋەيران قىلدى. ئىناق، ئىتتىپاق ئەل ئارىسىغا دۈشمەنلىك خەنجىرىنى چىقىرىپ قانلارنىڭ دەريادەك ئېقىشىغا سەۋەب بولدى. شۇڭا يۇق[Footer] 374

بەت 383

شەرقىي ئايەتتە «سىلەر يەنىلا ئۇ نىجاسەتتىن يانمامسىلەر؟» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

زىناخورلۇقمۇ كۆپۈنچە ھاللاردا ھاراقكەشلىكتىن ۋە مەستلىك، نەپسىلىكتىن يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ھاراقكەشلىك زىناخورلۇق ۋە قىمار بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاراقنىڭ بەخت - سائادەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى كۆپ تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن، بىز بۇ توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى پەرزەنتلىرىنى بەختكە يېتەكلەش، بەختسىزلىك بالاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدىكى بابىمىزدا توختىلىپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»، «ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا» دېگەن كىتابلىرىمدا تەپسىلىي توختالغان ئىدىم.

  1. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇش كېرەك پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۈلگىدىنمۇ مۇھىم تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلى يوق. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپ پەرزەنت تەربىيىسىدە تەسىرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ پىكرى تەسىر تەربىيىسىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ھايات قىسمىلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي يەكۈن.

5768 ئاتا ئالسا يوشۇرۇنچە ئوغرى سۇ، ئوغۇل توغسا ئەلگە بولۇر ئاپەت ئۇ.

يۇقىرىقى بېيىتتا تەسىر ۋە ئۈلگىنىڭ ئىككى مۇھىم تەرىپى نامايان بولىدۇ. بىرى، ئانىلاردا زىغىردەك ناپاكلىق، ساداقەتسىزلىك ۋە سەمىمىيەتسىزلىككە ئوخشاش ناچار قىلىقلار سادىر بولغان بولسا، ئۇ تۇغقان ۋە ئۇنداق ئانىلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بالا ئەلگە ئاپەت بولىدۇ. يەنە بىرى، ئاتا - ئانىلارنىڭ رەھبەرلىك…

بەت 384

تى، گەپ - سۆزلىرى ۋە ئەخلاقى پەزىلىتىنى ئىپادىلەيدىغان بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەرزەنتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. «پەرزەنت تەربىيىسىدە بېسىلغان ھەربىر قەدەم ئادەتكە، ئادەت خاراكتېرگە، خاراكتېر بولسا قىسمەتكە ئايلىنىدۇ» (ئۇ. دېككېربى).

تەسىر تەربىيىسى پەرزەنت تەربىيىسىدە ئەڭ ئومۇمىي، لېكىن ئىنتايىن نازۇك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. «ئومۇمىي» دېگىنىمىز، ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، پەرزەنت تۇغۇلۇپ كۆزى ئېچىلغاندىن كېيىن ئۆزى ئۇچراشقان، كۆزى كۆرگەن، قولى تېگىشكەن بارلىق نەرسىلەر بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەربىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ يەنە بىرى، مەقسەتلىك قىلىپ بېرىلگەن تەربىيە ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق رول ئوينايدۇ. كونا لاردا: «گەپ ئۆتمىگەن بالىغا تاياقمۇ ئۆتمەيدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. بۇنىڭدىمۇ يەنىلا تەسىر مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلغان. نازۇك دېگەندە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى شۇكى، ھېچقانداق ئاتا - ئانا بالىسىنى يامان بالا بولسۇن، يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالسۇن دېمەيدۇ. لېكىن ئائىلە ۋە جەمئىيەت مۇھىتىدا ئۆزلىشىپ كەتكەن ھەرقانداق تەسىر بالىلارغا ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىدە ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر بىز بالىمىزنىڭ بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئەسكى، يامان تىللار بىلەن تىللاپ ئەيىبلىسەك، ئەسلىدە ئۇ بىزنىڭ ياخشى كۆڭلىمىز ئىدى، بىراق بۇنداق ياخشى كۆڭۈلدىن چىققان يامان تەربىيە بالىلارغا ئىككى خىل تەسىر بېرىدۇ. بىرى، ئۇلار ئۆزىنىڭ يامان ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى، شۇڭا تىل ئېشىتىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. يەنە بىرى، بىز بالىغا «چوشقا، قانجۇق، توخۇ پوقى» دېگەندەك يامان تىللار بىلەن ئەدەپ بەرسەك، ئۇلارمۇ باشقىلارنى ئاشۇنداق يامان تىللار بىلەن تىللايدىغان ئەدەپسىز بالا بولۇپ قالىدۇ.

بەت 385

دۇ. بىز «مەن ئۇنداق دەپ ئۆگەتمىگەن» دېيەلمەمدۇق؟ بىز بالا ياخشى بولسۇن دەپ يامان، ئەسكى تىللارنى قوللىنىپ ئەدەپ بەرگەن بىلەن، ئۇسۇلنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك، يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، بالىلاردا يامان ئادەتلەرنى پەيدا قىلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ يامان تىل قوللانغانلىقىمىز بالىغا: «نۆۋىتى كەلگەندە سەنمۇ باشقىلارنى شۇنداق ئەسكى تىللار بىلەن تىللىساڭ بولىدۇ» دېگەندىن باشقا ئىش ئەمەس.

ئومۇمەن، تەسىر تەربىيىسى شۇنداق نازۇك، مۇرەككەپ جەريان. شۇڭا ئوقۇمۇشلۇق، تەجرىبىلىك ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇمۇشسىزلىقى ۋە تەجرىبىسىزلىكى تۈپەيلىدىن بالىلىرىنى ئالداتسا، بالىلارمۇ ئاتا - ئانىلىرىنى ئالدايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ خىل مۇناسىۋەتنى خەلقىمىزنىڭ مۇنداق ماقال بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى يېزىلغان: «ئانىسى ھىيلىگەر يۇپقا ياپار، بالىسى زىرەك قوشلاپ ئالار» يەنى ئانىسى ھىيلىگەرلىك قىلىپ، بالىسىنى كۆپ يېمىسۇن دەپ ناننى نېپىز ياقىدىكەن، بالىسى زىرەكلىك بىلەن ئىككىنى جۈپلەپ ئېلىپ يەيدىكەن. تەسىرلىك پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ناھايىتى تىپىك ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇنداق بىر تەجرىبە بار: پەيغەمبەرنىڭ بالىسى يامانلارغا قوشۇلۇش بىلەن يامان بولىدۇ، ئىت ياخشىلارغا قوشۇلغانلىقى سەۋەبلىك ياخشىلار قاتارىغا ئۆتىدۇ. ئەسھابۇلكەھەبنىڭ ئىتى ياخشىلارغا ئەگەشكەچ ياخشىلار قاتارىغا ئۆتكەن. سېنكانىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «نەسىھەتۋازلىق بىلەن ياخشىلىققا ئېرىشىشتىن ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ياخشىلىققا ئېرىشىش ئاسانراق.» ھەقىقەتەن پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن قورقۇتۇش، ئۇرۇش، تىللاپ ئەدەپ بېرىشكە قارىغاندا، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق تەربىيىلەش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بالىلار كۆپىنچە چوڭلارنىڭ ئىشىغا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ خىل تەسىر كىچىك، ئاددىي

بەت 386

ئىشلاردىن تارتىپ، چوك - چوك ئىشلارغىچە ئورتاق رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار ئادەتتىكى ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆزلەرگىمۇ دىققەت قىلىشى، ھەربىر ئىشتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتۇشى لازىم. ئائىلىدىكى ھەرقانداق ئىش، ھەرقانداق سۆز بالىنىڭ كۆزىدىن، قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بىر قائىدە بار، ئۇ بولسىمۇ ئاتا - ئانىلار ئۆز بالىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلسا، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى شۇنداق بولۇشى كېرەك.

تۇرمۇش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، سىز پەرزەنتلەرگە ئىچىملىك ۋە چېكىملىككە ئوخشاش زەھەرلىك نەرسىلەرنى تەشەببۇس قىلمىسىڭىزمۇ، ئاتا - ئانا ھاراقكەش ۋە بەتگى بولسا، بۇنداق كېيىپسىز تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان بالىلار ئاز بولىدىكەن. ھاراق - شاراب ئىچمەيدىغان ئائىلىدە چوك بولغان بالىلارنىڭ ئىچىملىك، چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىش نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولىدىكەن. ئائىلىسىدە ئۇرۇش - جېدەل كۆپرەك بولىدىغان، بىر - بىرىنى يامان تىللار بىلەن تىللايدىغان ئائىلىدە چوك بولغان بالىلارنىڭ بەزىلىرى جىمغور، قورقۇنچاق، چۈشكۈن، بەزىلىرى تەرسا مىجەز، ئاغزى يامان، ھاياسىز بولۇپ قالىدىكەن. ئىلمىي، ئەدەپ - قائىدىلىك ئائىلىدە ئۆسكەن بالىلارنىڭ مىجەزى ياخشى، ئەخلاقى دۇرۇس بولىدىكەن. جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغان ئائىلىنىڭ بالىلىرى خۇش چاقچاق، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق، جۈرئەتلىك، ئۆركەن، ئوچۇق پىكىرلىك بولىدىكەن. بۇ ئەھۋاللار شۇنى ئۇقتۇرۇدۇكى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاكتىپ ياكى ئاكسىز ئۆتكۈزگەن تىلسىز سەۋەنلىكلىرى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە شۇنداق ئەكس تەسىر بېرىدۇ. ئاتا - ئانىلار بەلكىم بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆزىدىن كۆرمەسلىكى مۇمكىن، بىراق ئائىلە مۇھىتىدىكى ياخشى تەسىر بىلەن يامان تەسىر بىزنىڭ پەرزەنتلەرگە بەرگەن ياخشى - يامان تەسىرلىرىمىزنىڭ تىلسىز ئىپادىلىنىشى، خالاس.

بەت 387

نەسىھەتۋازلىقنى بىلىپ، ھەرقانچە كانىيىمىز يىرتىلغىچە ۋارقىراپ - جارقىراپ بالىلارغا ئەدەپ بەرسەكمۇ، لېكىن ئۆزىمىز ئۆلگىدەك دىققەت قىلمىساق، نەسىھەتنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. «كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر» دېگەن مۇقەددەس دەۋەت، يۇقىرىدىكى باشقىلارغا نەسىھەتۋازلىق قىلىپ، ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغانلارغا قارىتىلغان. ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلمىساڭ باشقىلارغا قىلغان نەسىھىتىڭنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ دېگەن مەنىمۇ چىقىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا پەزىلەتتىن قىممەتلىك مىراس قالدۇرالمايدۇ، دېگەن سۆزىمۇ، پەزىلەتلىك ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا مىراس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ئاتا - ئانا قانداق بولسا بالىلارنىڭمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

379

بەت 388

ئون ئىككىنچى باب: تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلىشىش ئەدەپلىرى تەربىيىسى

تىل — ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تەپەككۇر قورالى ۋە ئالاقىلىشىش قورالى. تىل — ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى ۋە ھايۋانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بىرى. مانا شۇ تىل ئىنسانلارنى تەپەككۇر جەھەتتىنمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت جەھەتتە يۈكسىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. تىل بولمىسا تەپەككۇرمۇ بولمىغان بولاتتى، تەپەككۇر بولمىسا تىلمۇ بولمىغان بولاتتى. تىلى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ تەپەككۇرىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، تەپەككۇرى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ تىلىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. تىل ۋە تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىيەت جەھەتتە يۈكسىلىشنىڭ ئاچقۇچى. بىز مەدەنىيەتلىك مىللەت دېگەندە ئالدى بىلەن نەزەردە تۇتىدىغىنىمىز، تىلنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتى.

210 يېشىل كۆكتىن ئىندى قۇتۇق يەرگە سۆز، كىشى ئايتى قىممەت سۆزى بىرلە ئۆز.

ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇلارنىڭ تىلى ۋە تەپەككۇرى مەركىزىي ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى مەركىزىي ئاسىيادىكى باشقا ئەدەبىي تىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

بەت 389

لىنىشى ئۈچۈن مەنبەلىك رول ئوينىغان. مەركىزىي ئاسىيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن يېزىق ئىجاد قىلىپ مەدەنىيەت جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن خەلقمۇ ئۇيغۇرلار ئىدى. مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە مىلادىيدىن بۇرۇن يېزىق ئىجاد قىلىپ، كىتابلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن مىللەتمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلار. تەرجىمە كىتابلاردىن باشقا، «ئوغۇزنامە» مىلادىيدىن بۇرۇنلا كىتاب بولۇپ ئەل ئارىسىغا تارقالغانلىقى «ئوغۇزنامە» نىڭ ئالاھىدىلىكىدىن روشەن نامايان بولماقتا. مەن بۇ توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى «بايقاش» دېگەن كىتابىمدا تەپسىلىي بايان قىلغان.

شۇنداق ئۆزۈن ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ بايلىقى، لۇغەت تەركىبىنىڭ موللىقى، جانلىق ۋە ئىپادىلەش كۈچىنىڭ چەكسىزلىكى، ئوبرازچانلىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى، بىلىش نەتىجىلىرىنى مۇكەممەل، كەڭ كۆلەمسىز ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك قورالغا ئايلانغان. تارىختا نۇرغۇن - نۇرغۇن سىناقلار ئىچىدە غالىب كېلىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتلەندۈرگەن.

«قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، ئەلىشىر ناۋائىينىڭ خەمىسە ۋە چاھار دىۋانلىرىدا كارا مىتىنى كۆرسەتكەن بۇ تىل ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئەڭ يارقىن سىما بولۇپ قالدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلغا ۋە تىل مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ تىل بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم ئىپادە، دەپ قارىغان. شۇڭا مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشتا تىل مەدەنىيىتى ۋە تىل ئەخلاقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئەسىرىدە

بەت 390

تىل مەدەنىيىتى ۋە تىل ئەخلاقى توغرىسىدا مەخسۇس سەھىپىلەرنى ئېچىپ، ئۇنى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قاتارىدا چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى قاتتىق تەكىتلەنگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلنى «ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ تەرجىمانى، روشەن تىل كىشىنى يورۇتقۇچى» (162) دەپ قارىغان. تىل ھەم ئادەمنى قەدىرلىك قىلىدۇ، بەختلىك قىلىدۇ، تىل ھەم ئادەمنى قەدىرسىز ۋە بەختسىز قىلىدۇ. (163) دەپ قارىغان. چۈنكى تىلنىڭ ياخشىسى، يامىنى بولىدۇ، مەدەنىي ۋە مەدەنىيەتسىز بولىدۇ، پەزىلەتلىك ۋە پەزىلەتسىز بولىدۇ. بۇنىڭ خاراكتېرى سۆزلىگۈچىنىڭ خاراكتېرى، ئەخلاقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

تىل ئىنسانغا مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن بېرىلگەن، ئۇ ھەم پەزىلەتلىك، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا ئاتا قىلىنغان، مەدەنىيەتسىز، ئەخلاقسىز سۆزلەر تىلغا ۋە تىل نېمىتىگە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. خۇدا ئىنساننىڭ ۋۇجۇد سەھنىسىنى ئەقىل گۈلشىنى بىلەن بېزەپ، ئۇ يەردە بەرىكەت شامىلى ئارقىلىق ئىلىم ۋە ئىدراك گۈلىنى ئېچىلدۇردى. ئىنسان مانا شۇ تىل ۋە دىلدا جارى بولغان ئەقىل مۈلكى ئارقىلىق ئاللانىڭ قۇدرەت - كامالىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئاللانىڭ نېمەتلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئىسلامدا ئاللانىڭ نېمەتلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەنلىكمۇ شۈكۈر ئېيتقانلىق بولىدۇ. شۇڭا مۆمىن ئاللانى زىكرى قىلىدىغان، ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىدىغان تىلنى يامان، ئەسكى تىلغا ئىشلىتىش تولىمۇ ھاياسىزلىق بولىدۇ. ياخشى سۆزنى «ئىمان كەلىمىسى» دەپ ئاتىسا، يامان سۆزنى «كۆپۈك كەلىمىسى» دەپ قارايدۇ. ھايا بىلەن ئېيتىلغان، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان، بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن سۆزلەنگەن سۆزلەر ئىمان كەلىمىسى ھېسابلانسا، ھاياسىز، قوپاللىق بىلەن ئېيتىلغان، ئەسكى، كىشىلەرنىڭ دىلىنى يارا قىلىدىغان، مەنىسى يوق، ئەقىلسىز، بىلىمسىزلەرنىڭ تىلى كۆپۈك كەلىمىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

بەت 391

«ياخشى سۆزمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئىكەن. ياخشى، گۈزەل ئىبارە مەدەنىيەتلىك، پەزىلەتلىك ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدۇ، ناچار، قوپال، سەت گەپلەر مەدەنىيەتسىز، نادان، ئىمانسىز ئادەملەرنىڭ تىلىدىن چىقىدۇ. ھايا بار يەردە كۆركەملىك، گۈزەللىك بولىدۇ، ھايا بولمىغان يەردە گۈزەللىككە ئورۇن قالمايدۇ. «ھەرقانداق نەرسىدە ھايا بولىدىكەن ئۇ نەرسىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە ھاياسىزلىق بولىدىكەن ئۇ نەرسىنى سەتلەشتۈرىدۇ». ① قۇرئاندا: «كىشى سۆز قىلسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆزەتچى پەرىشتىلەر ھازىر بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.» دېگەن ئايەت بار. يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر.» ②

ناھايىتى روشەنكى، ئىسلام ئەقىدىسىدە تىل مەدەنىيىتى ۋە تىل ئەخلاقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىتتى، شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلىنىڭ ھېكمىتى ۋە نېمىتى توغرىسىدىلا پىكىر بايان قىلىپ قالماي، بەلكى تىل مەدەنىيىتى ۋە تىل ئەخلاقى توغرىسىدا بىر قاتار قائىدە - يوسۇنلارنى بايان قىلىدۇ. ئۆز دەۋرىدە تىل مەدەنىيىتىگە، تىل ئەخلاقى يوسۇنلىرىغا رىئايە قىلمىغان، ئېغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرگەن، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرگەن ئادەملەرنى ئىنسانلار تۈركۈمىدىن چىقىرىپ ھايۋانلار تۈركۈمىدىن سانىغان. بۇ خىل ئەقىدە ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ تىلدىن باشلىنىدىغانلىقى، تىل ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ بېشى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن مۇنداق بىر ماقالنى مىسال ئۈچۈن بەرگەن: «ئەدەپ - ئەردەم بېشى تىل». بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئەخلاقىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. قەدىمكى قوشۇق شېئىرلىرىدىمۇ

① تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ② «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، سۈرە قاف 18 - ئايەت. 383

بەت 392

پەزىلەتكە ئائىت قىممەتلىك شېئىرىي مىسرالارنى ئۇچرىتىمىز: «ئەردەملىك كىشى ئەردەمنى بىرلە تەڭ ئال، ئەردەمسىز كىشى تۈتۈك ئىچىدىكى ئولياق بىرلە نەڭ ئول» (پەزىلەتلىك ئادەم گۆھەرگە ئوخشايدۇ، پەزىلەتسىز ئادەم تۈتۈك ئىچىگە سېلىنغان پىتەككە تەڭدۇر). بۇ يەردە دېيىلگەن «ئەردەم» ئاساسەن تىل ئەخلاقىنى نەزەردە تۇتقاندۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تىل ئەخلاقى ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ.

بىرىنچى، سۆزلىمەكچى بولغان ئادەم بىلىم بىلەن سۆزلىشى، بىلىپ سۆزلىشى كېرەك، ئەگەر بىلىمسىز بولسا سۆزگە ئېغىز ئاچماسلىق كېرەك.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەيدۇكى: «ئۆزۈڭگە ئېسەنلىك تىلىيىدىغان بولساڭ، تىلىڭدىن ھەرگىز يارامسىز سۆزلەرنى چىقارما. سۆز قىلغاندا بىلىپ سۆزلىسەڭ، ئۇ بىلىم سانىلىدۇ، بىلىمەستىن قىلىنغان بىلىمسىزنىڭ سۆزى ئۆزۈنىڭ بېشىنى يەيدۇ. (170) شۇڭا ئەگەر سۆزلىمەكچى بولساڭ سۆزۈڭنى پاساھەت بىلەن قىل، سۆزۈڭ مەنىلىك، گۈزەل بولسا، ئۇ سېنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. (175) تىلنىڭ پايدىسىمۇ كۆپ، زىيىنىمۇ تولا، بەزىدە ماختىلىدۇ، بەزىدە سۆكۈلىدۇ. شۇڭا بىلىپ سۆزلىگىن، سۆزۈڭ قارىغۇلار ئۈچۈن كۆز بولسۇن، بىلىمسىز بىر قارىغۇدۇر، ئەگەر بىلىمسىز بولساڭ، تېز بول، بىلىمدىن نېسىۋە ئال. تۇغۇلغان ئۆلىدۇ، بىلىمسىز نادانلارنىڭ ھېچقانداق نىشانى قالمايدۇ. ئەگەر سۆزلىرىڭ ياخشى بولىدىغان بولسا، سەن ئۆلمەس بولۇپ قالىسەن. (173 - 180) ئادەم ئىككى نېمىدىن قېرىمايدۇ. بىرى، ياخشى ئىش، يەنە بىرى، ياخشى سۆز. ئەگەر ئۆلمەس ھاياتنى ئارزۇ قىلساڭ، ئاۋۋال خۇلۇقۇڭ بىلەن سۆزۈڭنى ياخشى قىلىشىڭ لازىم.» (181 - 183) شۇڭا سۆزلىمەكچى بولساڭ بىلىم بىلەن سۆزلە، بىلىملىك ئەرلەرنى بۈيۈك بىل. ئاللا ئادەمگە ئاسمان[Footer] 384

بەت 393

دېن تىلنى نېمەت ئەتكەندىن بۇيان، ئادەم سۆزى بىلەن قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولدى. (209-210) تىل دېگەن ئەقىلنىڭ زىننىتى، تىلنىڭ زىننىتى سۆزدۇر. بۇ خۇددى ئادەمنىڭ زىننىتى يۈز، يۈزنىڭ زىننىتى كۆز بولغانغا ئوخشاش. ئادەم تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئەگەر سۆزۈڭ ياخشى بولسا، ئاندىن يۈزۈڭ يورۇيدۇ.» (274-275)

ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، پەقەت نادان كىشىلەرلا ئۆزىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. ئۆزىنى بىلگەن ئادەم سۆزلىشىنىڭ يولىنىمۇ بىلىدۇ، ئۆزىنى بىلمىگەن ئادەم سۆزلىشىنىمۇ بىلمەيدۇ. بەزى ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ سۆزى ئۆزىگە بەك خۇپ كۆرۈنىدۇ، ئەتە مەنىسىز سۆزلەرنى قىلىپ تۇرۇپمۇ پەلسەپە سۆزلەۋاتىمەن دەپ چۈشىنىدۇ، ئەلىشىر ناۋائىي شۇڭا: «كىمكى ئۆز-ئۆزىنى بىلسە، ئۇ نېمىدىگەن ياخشى ئىبادەت ۋە ئۆزىنىڭ سۆزىنى بىلىپ سۆزلىسە، بۇ نېمىدىگەن ياخشى سائادەتتۇر.» («مەھبۇبۇل-قۇلۇب»تىن) دېگەن. شۇڭا ئۇلار تىلنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، تىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىنغان. بۇ تىلنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئېھتىياجى.

ئادەم تىل بىلەن ئادەم ئىكەن، ئۇ تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىقلا ئادەمىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن بىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى تىل ئارقىلىق روشەنلىك تاپتى. مىليونلىغان كىتابلار تىل ئارقىلىق گۈزەل غۇنچىلاردەك كۆركەملىك تاپتى. مانا بۇ بىلىم بىلەن تىلنىڭ بۈيۈك بىرلىكى ۋە شان-شەرىپى. تىل بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمەسلىك ئەمەلىيەتتە چوڭ بەختسىزلىكنىڭ بىر ئىپادىسى. تىل كىشىلەرگە بەخت ۋە روھ بېغىشلايدۇ. تىل ھەم ئادەمگە بەختسىزلىك ۋە ئاپەت يۈكىنى ئارتىدۇ. شۇڭا كونىلار تىلدا قابىلىيىتى ئۈستۈن كىشى ئەقىللىق كىشىدۇر، ئۆزىگە-ئۆزى

385

بەت 394

ئىگە بولالمايدىغان كىشى پەس كىشىدۇر. (ناۋائىي) دېگەن. بىز يۇقىرىدا توختالغان تىل قابىلىيىتى تەپەككۇر قابىلىيىتى دېگەننىڭ ئىبارەت. پەرزەنتلەرنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆپلەپ بىلىم ئېلىشى، تەپەككۇر قىلىشى، ئويلىغىنىنى تىلدا ئىپادىلىشىنى كۆپلەپ مەشىق قىلىشى كېرەك. تىل بىلەن تەپەككۇرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، ئاندىن پەرزەنتلەر تىلى ئارقىلىق بىلگىنىنى راۋان، چۈشىنىشلىك، مەنتىقىلىق، قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ قەدر - قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

ئىككىنچى، ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ۋە بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىنى كۆپلەپ ئاڭلاش، ئۇنى ئۆزىدىن كىچىك ۋە بىلىمى تۆۋەنلەرگە يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم دەۋىتى.

ئالىملارنىڭ سۆھبىتىگە قاتنىشىش ۋە بۇ سۆھبەت ئەخلاقىغا قەتئىي رىئايە قىلىش تەلەپى كلاسسىك تەلىم - تەربىيىدە ئومۇملاشقان قائىدىلەرنىڭ بىرى. سۆھبەتلىشىش ئەخلاقى «قۇتادغۇ بىلىك» تىلا ئەمەس، شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە تەكىتلىنىپ ئۆتۈلگەن تەلىم - تەربىيە تەلەپلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ياخشى سۆھبەت ۋە ياخشى، دانا سۆھبەتداش ئادەمنى ياخشىلىققا، ئالىملىققا يەتكۈزسە، يامان سۆھبەت ۋە يامانلار بىلەن بولغان سۆھبەت كىشىنى يامانلىققا، ھالاكەتكە سۆرەيدۇ.

دېمەك، ياخشىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن خۇددى ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدەك كىشىلەرگە مەنپەئەت تېگىدۇ، يامانلار بىلەن بولغان سۆھبەت خۇددى يېقىمسىز تۈتۈندەك ئادەمگە يامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەيتان بىلەن بولغان سۆھبىتى ئۇلارنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. شۇڭا ئاقىل

بەت 395

كىشىلەر يامانلار بىلەن بولغان سۆھبەتنى زەھەرى قاتىل دەپ ئاتاشقان، ياخشى، تەقۋادارلار بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئارزۇ قىلىشقان. ياخشىلار بىلەن بولغان سۆھبەت ئادەمنى ياخشىلىققا باشلايدۇ. قەلبىدىكى كىر - توزانلارنى تازىلاپ، كۆڭۈللەرگە ھۇزۇر ۋە راھەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئاقىللار شۇنداق نەسىھەت قىلىدۇكى: «ئۆزۈڭنى يامان كىشىلەرنىڭ سۆھبىتىدىن يىراق تۇت، چۈنكى يامانلارنىڭ سۆھبىتى جەھەننەم ئوتىدىنمۇ يامان» (مۇھەممەد ھۈسەيىن). سېخىي ۋە ئالىيجاناب كىشىلەر بىلەن سۆھبەتداش بولۇش ئادەمنى بېسىملىق، كىچىك پېئىل، چىرايلىق خىسلەتلەرگە رىغبەتلەندۈرىدۇ، خۇي - مىجەزى قوپال، نادان، ئەقىلسىزلەر بىلەن سۆھبەت قۇرساڭ، ئۇلار سېنى يېقىمسىز سۈپەت ۋە قەبىھ ئىشلەرگە يېتەكلەيدۇ، رەزىل، گۇناھلىق ئىشلارغا سايە قىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە ياخشىلار بىلەن سۆھبەتداش بولۇش، يامانلارنىڭ سۆھبىتىدىن قېچىش توغرىسىدا ئەسكەرتىپ بېرىپ تۇرىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىك» دانا ۋە پازىل كىشىلەرنىڭ سۆھبىتىدىن پۈتۈلگەن ئەسەر. ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئىبارە بىزگە ھاياتنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ ھېكمەتلىرىنى بېرىدۇ. ئۇ دانالار بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىملىك كىشىلەر تەننى چۈرۈتۈپ، جېنى، روھنى سەمىرتىدۇ. بەدەننىڭ ئۆلۈشى ئېغىزدىن كىرىدۇ، جاننىڭ ئۆلۈشى ھەقىقىي چىن ھېكمەت سۆزلىرى، قۇلاقتىن كىرىدۇ» (990 - 991).

تۇرمۇشتا سۆھبەتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت، بۇرادەرلەر بىلەن بولغان سۆھبەت، ئىلمىي سورۇنلاردىكى سۆھبەت، ئۇستازلار بىلەن شاگىرتلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت، ئائىلىۋى سورۇنلاردىكى سۆھبەت، خوتۇنلار بىلەن بولغان سۆھبەت قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا شەيتانىي سۆھبەتلەرمۇ بار. ھاراق سورۇنلىرىدىكى سۆھبەت، پىتنە - پاسات، غەيۋەت قىلىنىدىغان سۆھبەت، شەھۋانىي

بەت 396

سۆھبەت، ئۆمۈرنى خورىتىدىغان، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بولغان قۇرۇق، مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز سۆھبەت … قاتارلىقلار. ھەربىر سۆھبەتنىڭ ئادەمگە بېرىدىغان مەنپەئىتى ۋە زەرىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ سورۇننى تاللىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، خۇددى ھەسەل ھەرىسى كۈلۈپ ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈل، غۇنچىلارنى تاللىسا، چىۋىن نىجاسەتنى تاللىغاندەك. بىرىدىن ئادەمگە شىپالىق ھەسەل چىقىدۇ، يەنە بىرى زىيانلىق مىكروب ۋە نىجاسەت تارقىتىدۇ. بىرىنى كىشىلەر ئەتىۋارلاپ باقىدۇ، يەنە بىرىنى كىشىلەر ھەر خىل زەھەرلىك دورىلار ۋە پالاقلار بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، رايى ۋە تاللىشىغا ئاساسەن سۆھبەت قۇرىدۇ. تۇرمۇشتا ھەر خىل تىپتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئولپەداشلىرى بولىدۇ. ھاراقكەشنىڭ ھاراقكەش ئولپىتى، پاھىشىۋازنىڭ پاھىشىۋاز ئولپىتى، نەشەكەشنىڭ ئولپىتى نەشەكەش بولغانغا ئوخشاش. ياخشىلار ياخشىلارنى ئولپەت ۋە سىرداش تۇتىدۇ، يامانلار يامانلارنى ئۆزىگە ھەمنەپەس قىلىۋالىدۇ.

ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنى قانداق ئادەملەرگە ئارىلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ خاراكتېر - مىجەزىگە، دۇنيا قارىشىغا ۋە ئىقبالىغا پۇتتۇلادە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالىلارنىڭ ياخشى ياكى يامان خۇيلارنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى، ياخشى خاراكتېرلىك ياكى يامان خاراكتېرلىك ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ ئامىل نىمە؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ناھايىتى ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن چىقىپ چۈشەندۈرىدۇ: بىرى، ئادەم تۇغۇلۇشىدىن ياخشى تۇغۇلىدۇ، ھەرگىزمۇ بىرى ياخشى، يەنە بىرىنىڭ يامان بولۇشى تۇغما بولمايدۇ. بىراق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تەربىيىچى بولغان ئادەم، ئۇ بالا ئارىلاشقان ئادەملەرنىڭ قانداق بولۇشى بالىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياخشى پەزىلەتلىك، تەقۋادار ئاتا - ئانىلار تەربىيىلىگەن

بەت 397

بالىلار ئەقىللىق، پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسىدۇ، يامان مىجەزلىك پاسىق ئاتا - ئانىلارنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن بالا پاسىق بولىدۇ. ياخشى ئۇستازلارنىڭ قولىدا تەربىيە كۆرگەن بالىلار ياراملىق، ناچار ئۇستازلارغا يولۇققان بالىلار يارامسىز بولىدۇ. ياخشى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ چوڭ بولغان بالىلار ياخشى خۇي ئۆزلەشتۈرىدۇ، يامانلارغا ئارىلىشىپ چوڭ بولغان بالىلار يامان خۇينى ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەكىتلەپ دەيدۇكى: بالام «يامانلارغا ئارىلاشما يالغۇز يۈرگىن، ياخشى دوستلار بىلەن ئارىلىشىپ ياخشى ياشىغىن. يامانلارغا قوشۇلما، ياخشىلار بىلەن ئارىلىشىپ كۈنلىرىڭنى ياخشى ئۆتكۈزگىن. تۈز، توغرا ئادەم ئەگەرلەر بىلەن بىرگە بولسا كۈنلىرى قارىيىدۇ.» (5508 - 5510) ياخشىلار بىلەن بىرگە بولۇش بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ بەختى دەپ قارىغان. ئۇيغۇرلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بالىلارنى ياخشىلارنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇش، ياخشىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن. ياخشىلار بىلەن بىرگە بولۇش، ئۇلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارنى سىرداش تۇتۇش، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى دەپ بىلگەن: «كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سادىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار» (سۈرە نىسا 69 - ئايەت) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەربىر ئادەم قىيامەتتە سۆيگەن ئادىمى بىلەن بىرگە بولىدۇ». دېمەك، بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەر بىلەن ئارىلاشقان، ئۇلار بىلەن سۆھبەت قۇرغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ شۇلار بىلەن بىرگە بولىدۇ، بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان ئادەملەرگە ھەمراھ بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ شۇلارغا ھەمراھ بولىدۇ.

ھازىرقى جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە، خاراكتېر ۋە ئەقىدە جەھەتتە ھەددىدىن ئارتۇق بۇزۇلۇپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى…

389

بەت 398

شىگىگە نېمە تەسىر قىلىۋاتىدۇ. بىرى، تەلىم - تەربىيە ياخشى بولمايۋاتىدۇ، يەنە بىرى، جەمئىيەتتە يامان قىلىق، يامان كەيپىياتلارغا كۆڭۈل بازار ئېچىلغاچقا، بالىلار يامانلارنىڭ تەسىرىگە تېز تېز ئۇچراۋاتىدۇ. يامان ئادەملەر بىزنىڭ نۇرغۇن سەبىي بالىلىرىمىزنى شەيتانغا ئوخشاش ئازدۇرۇپ، قەبىھ، رەزىل كوچىلارغا باشلاپ كەتتى. بۇ ئايىغى چىقماس زۇلۇمەت ئۆتەكلىرىدە پەرزەنتلىرىمىز نابۇت بولماقتا. بۇنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن بولساق، بالىلىرىمىزنى بۇ قارا، زەھەرلىك قوللارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىشىمىز كېرەك. بالىلارنى ياخشىلارغا ھەمراھ قىلىش يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەشەببۇس قىلغان ئەڭ ياخشى، ئۈنۈملۈك، ئىستىقباللىق، قانۇنىيەتلىك تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى.

ئۈچىنچى، سۆزلەش ئۈچۈن سۆزلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇشى كېرەك. زۆرۈرىيەتسىز چاغدا سۆزلەش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، دەپ تەكىتلەنگەن. بۇنداق زۆرۈرىيەتنىڭ بىرىنچى شەرتى قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىشىگە ئىجازەت بەرگەن بولۇشى، ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر ئىشنى سورىشى كېرەك. ئەگەر سۆزلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماي تۇرۇپ، ئۆزىچە سۆزلەپ كەتكەن ئادەمنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ھايۋان»، «تەلۋە» دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن. «بىلىملىك ئادەمنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى قاچۇرما، سۆزلىشىشكە توغرا كەلگەندە ھەرگىزمۇ سورالماستا سۆزگە تىل ئاچما. قايسى ئادەم كىمنى لازىم تېپىپ چاقىرغان بولسا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچى گەپ ئېچىشى كېرەك. چاقىرغان ئادەم گەپ سورىماستىنلا سۆزلەپ كەتكەن ئادەمنى ھايۋان دېسە توغرا بولىدۇ. مۇنداق ئادەمنى تەلۋە، ئەخمەق ئادەم دەپ قارىسا بولىدۇ.» (960 - 963)

تۆتىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەپنى ئورۇنسىز يەرگە، بىلىمىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان ئادەملەرگە سۆزلەپ يۈرمەسلىكنى، سۆزلەش ئەدەپىنىڭ بىر مەزمۇنى قاتارىدا تەكىتلىگەن. كونىلاردا «نادانغا ھېكمەت سۆزلىسەڭ زايا كېتىدۇ» دېگەن ھېكمەت بار.

بەت 399

چۈنكى نادان ئەگەر ھېكمەتنىڭ قەدىر - قىممىتىگە يېتىدىغان بولسا ئۇ نادان بولمايتتى. ھەقىقەتەن بىلىمسىز، نادان ئادەم ھېكمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلارغا دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر خۇددى ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا چالغان ساتارغا ئوخشاش بىھۇدە، يېقىمسىز تۇيۇلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەگەر سۆزلىسەڭ سۆزلىرىڭنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئەمەل قىلالايدىغانلارغا، قەدرىگە يېتەلەيدىغانلارغا سۆزلى، بولمىسا جاھىللار ئارىسىدا ئۆزۈڭنى ۋە سۆزۈڭنى خار قىلما، دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ھېكمەتلىر قامۇسىنى نادانلار، بىلىمسىزلەر، جاھىللار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىلىملىك، ھوشيار، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن سۆزلىدىم. بىلىمسىزلەرنىڭ، جاھىللارنىڭ تىلىنى بىلمەيمەن. (202) دېگەن. شۇڭا ئۇ بىلىپ سۆزلىگۈچى كۆپ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۇنى ھەقىقىي بىلىپ ئىشقا ئاشۇرغۇچى ئادەم قەدىرلىكتۇر.» (207) دەيدۇ.

شەيخ سەئىدى مۇنداق بىر ئىبرەتلىك كىتابنى ئەۋنە قىلىپ كۆرسىتىدۇ: «مەن بىر چاغلاردا - دەپ ھېكايە قىلىدۇ. ئۇ بەئەلبەك جامەسىدە ئېزىلەڭگۈ، كۆڭلى ئۆلگەن، شەكىلدىكى دۇنيادىن مەنىۋى دۇنياغا يول سالالمىغان بىر توپ جامائەتكە ئۆز تەرىقىسىدە سۆز قىلغان ئىدىم. قارىسام، نەپەسىم قۇتلۇق بولمايۋاتىدۇ، ئوتۇم ئۇلارنىڭ ھۆل ئوتۇنىغا تەسىر قىلمايۋاتىدۇ. ھايۋانلارغا تەربىيە بېرىش ۋە قارىغۇلار مەھەللىسىدە ئەينەك كۆتۈرۈپ يۈرۈش ماڭا پايدىسىز كۆرۈندى. لېكىن پىكىرلەر ئىشىكى ئوچۇق، سۆز زەنجىرى ئۈزۈن ئىدى. مەن ئۇلارغا: «بىز ئۇنىڭغا قىزىل قان تومۇردىنمۇ يېقىنمىز» ① دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈردۈم. ئاندىن سۆزۈمنى بىر جايغا يەتكۈزۈمدە، ئادەتتىنچە شېئىر بىلەن مۇنۇ سۆزنى ئېيتتىم:


① «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، 50 - سۈرە، 16 - ئايەت.

بەت 400

ئۆز - ئۆزۈمگە مەن يېقىن، دوستۇم ئۆزۈمدىنمۇ يېقىن، شۇنىسى قىزىق ۋە لېكىن مەن ئۇنىڭدىن بەك يىراق. نە قىلاي، كىمگە ئېيتاي ئۇشبۇ ھالەمنى كۆرۈڭ، يار قۇچىقىمدا تۇرۇپ، ھىجراندا يۈرگەيمەن بىراق!

مەن بۇ سۆزنىڭ شارابىدىن مەست ئىدىم، گويا قولۇمدا تېخى ئىچىپ بولالمىغان قەدەھ بار ئىدى، شۇ ئەسنادا بىر يولۇچى بىز يىغىلغان جايدىن ئۆتۈپ قالدى؛ ئۇنىڭغا سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تەسىر قىلغاچقا، ئۇ شۇنداق ۋارقىرىدىكى، باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۇقان كۆتۈرۈشتى. جىمىپ قالغان مەجلىس قايناشقا باشلىدى. مەن دېدىم: «سۇبھاناللا! قەلبىمىزدىكى قەلبى كورلار يىراقتىن قېلىپ، ئۆزى يىراقتا بولسىمۇ خۇدادىن خەۋىرى بارلار بۇ يەردىن چىقىپ قالدى». ① ھەقىقەتەن ئىلمىنىڭ، ھېكمەتنىڭ قەدرىگە ئالىملار يېتىدۇ، قەلبى كور، نادان «ھايۋان»لار بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ. شۇڭا قۇرئاندا: «بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ.» ② يەنە مۇنداق دەيدۇ: «(ئاللاھ) ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ. ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالىدۇ.» ③ نادان، جاھىل، ھەقنى تونۇمىغان، ھەقنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىلەرنىڭ قەلبى پېچەتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنداق قەلبكە ھېكمەتنىڭ نۇرى چۈشمەيدۇ ۋە تەسىر قىلمايدۇ. ئەگەر دېيىلگەن، يېزىلغانلىكى ھېكمەتلەر ھەممە ئىنسانلارغا تەسىر قىلغاندا ئىدى، دۇنيادا نادان قالمىغان بولاتتى. ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىق يولىنى كۆرۈشى قىيىن بولاتتى.

① سەئىدى «گۈلىستان» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى نەشرى، 101 - 102 - بەتلەر. ② «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، سۈرە ئەنكەبۇت 43 - ئايەت. ③ «قۇرئان كەرىم» بېقەرە 269 - ئايەت. 392

بەت 401

سىتىپ بېرىدىغان، ھەقىقەتكە دالالەت قىلىدىغان، جاھالەتتىن چېكىلىدىغان، غەپلەتتىن ئويغىتىپ، سەگەك ياشاشقا ئىشتىراك قىلىدىغان مىڭلىغان كىتابلار بارلىققا كەلدى. بىراق بۇنىڭدىن قەلبى ھەقىقەت نۇرى بىلەن نۇرلانغان كىشىلەرلا ئىبرەت ئېلىپ، قەلب ئېتىزىنى تېخىمۇ بېيىتتى، قەلبى كورلار ئۆمۈر بويى كورلۇقتىن قۇتۇلالماي ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا سۆزنىمۇ سەگەك يەرگە سېپىش، گەپنىمۇ ئاڭلايدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان يەرگە قىلىش ھېكمەت سۆزلىگۈچىگە قويۇلغان ئەخلاقىي تەلەپنىڭ بىرى بولۇپ تەكىتلىنىپ كەلگەن. قۇرئاندا ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاگاھلاندۇرۇپ، كور، قەلبى جاھالەتكە پاتقان، ئۆزىنى زۇلۇمەتكە ئەسىر قىلغان ئادەملەرگە ھەر قانچە سۆزلىسىمۇ ھەقنى تونۇتۇپ بولالمايسەن دەپ ۋەھىي قىلغان: «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەر بولمايدۇ. زۇلۇمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ. سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ. تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىدىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن.»① يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ھەقىقەتلەردىن چىقىپ، دۇنيادا بىلىملىكلەر ئاز، بىلىمسىزلەر كۆپ، بىلىمسىز نادانلار ئۆلۈك بىلەن باراۋەر، دەپ قاراپ، ئۆلۈكلەرگە ھېكمەت سۆزلىسەڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ، دەپ نەسىھەت قىلغان.

مەن شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدە، نەپسىنىڭ سىرتىغا مەھكەم باغلىنىپ، ئۆزىنى نىجاسەتكە پاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەقمۇ، ناھەقمۇ، راستمۇ، يالغانمو، پايدىلىقمۇ، پايدىسىزمۇ ناھايىتى روشەن ۋە ئېنىق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئۆلۈك بىلەن تىرىك ئارىسىدا ياشايدىغاندۇ، دەپ تولىمۇ

393

بەت 402

ئىچىم پۇشاتتى، ھەتتا كۆپ ھاللاردا تېرىكىپ قالاتتىم. بۇ جاھىللارنىڭ ھەق سۆزگە پىسەنتىمۇ قىلىپ قويماي يەنىلا ئۆزىنى ئۆزى خارلاۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ گەپ-سۆزلىنەتتىم، ئەمدى چۈشەندىمكى، قەلبىدە ھەقىقەت نۇرى يورۇمىغان، پىچەتلەنگەن قەلبلەرگە تەسىر قىلىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس ئىكەن. مەن «بىر كىشىنى ھەقتىن ئايرىلغان كۆرسەڭ ئۇنىڭ يېنىدا ھەق سۆز قىلما، پەسكەش ئادەملەرگە ئىلىم - ھېكمەتتىن سۆز قىلىنسا ئىلىم - ھېكمەتكە ئۇۋال قىلىنغان بولىدۇ. ئۇلارغا ئۇنداق گەپ قىلىش شورلۇق يەرگە ئۇرۇق سالغاندەك ھېچ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندىم. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىملىك بىلىدۇ، بىلىمنى، بىلىملىكنى قەدىرلەش بىلىملىكتىن كېلىدۇ، بىلىمسىزدىن بىلىمنى، بىلىملىكلەرنى قەدىرلەشنى كۈتمەڭ» دەپ يۇقىرىقى ھەقىقەتنى رېئال تۇرمۇشتا ئىسپاتلىغاندىن كېيىن قويغان ئىكەن، ئەگەر ئاتا - ئانىلار بۇ ھەقىقەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن يورۇتۇشقا تىرىشىشى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە ئۆزىنى پەرۋانىدەك ئۇرۇيدىغان قەلب تۇرىنى ھازىرلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشلىرى مۇقەددەس قەرزى.

بەشىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە سۆزلىرىدىن ھەقىقەت ئۈنچىلىرى تۆكۈلىدىغان بولسا، سۆزگە تىل ئېچىپ سۆھبەتلداشلىرىغا ھېكمەتتىن نۇر بېرىشى، ئۆزىگە، سۆزىگە ئىشەنچ تارتىنىپ ئولتۇرماي ئۆزىنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر سورۇندا ئولتۇرغانلار ئۆزىدىن ئەقىل - پاراسەتتە ئۈستۈن، بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن دانالار بولىدىغان بولسا، ياخشىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن نەپ ئېلىپ، روھىنى بېيىتىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. نادانلارنىڭ ئۆزىنى بىلىپ دانالاردىن ئۆگىنىشكە ئىنتىلىشى، ئۇنىڭ نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، پەزىلەت تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىمەنە سۆزلىرى ئۆزىگە

بەت 403

ھەقىقەت تۇيۇلىدۇ، شۇڭا ئۇلار يېرىم چېلەك سۇ بەكرەك چايقالغانغا ئوخشاش ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ھېكايە قىلىنىشىچە: مىسىردا بىر دەرۋىش بار ئىكەن، ئۇ ئۆزىدىن بىرى سۈكۈت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ، مەشھۇر بولغان ئىكەن. يىراق - يېقىندىن نۇرغۇن ئەقىللىق كىشىلەر ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېلىپ، يورۇقلۇق ئىزدەيدىغان پەرۋانىدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. بىر كۈنى ئۇ ئىچىدە مۇنداق ئويلىدى: ھەر ئادەم ئۆز تىلىنىڭ ئاستىدا مەخپىيدۇر. نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىمەن؟ گەپ قىلمىسام مېنىڭ مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىمنى كىشىلەر نەدىن بىلسۇن؟ ئۇ ئويلىغىنى بويىچە بۇرۇنقى سۈكۈت قولىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ - بۇنىڭغا قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىشقا باشلاپتۇ. مانا شۇ چاغدىلا دوست - دۈشمەن ھەممە كىشى ئۇنىڭ قانداق مال ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۇلار كۆرۈپتۇكى، مىسىرنىڭ ئەڭ بىلىمسىز ئادىمى ئەسلىدە مانا شۇ دەرۋىش ئىكەن. ماھىيەتنىڭ مۇنداق ئاشكارىلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىپتۇ، كۆڭۈل ئارامچىلىقى بۇزۇلۇپ، مىسىردىن باشقا بىر جايغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ كېتىدىغان چاغدا ئۆزى تۇرغان مەسچىتنىڭ مېھرابىغا مۇنداق دەپ يېزىپ قويۇپتۇ: «ئەينەكتە ئۆزۈمنى كۆرگەن بولسام، نادانلىق بىلەن چۈمبەرەمنى يىرتمايتتىم. ئۆزۈمنى چىرايلىق ساناپ، يۈزۈمدىكى پەردىنى ئېلىۋەتتىم. لېكىن، نەقەدەر سەت ئىكەنلىكىم ئاشكارا بولدى.»

شەيخ سەئىدى يۇقىرىقى ھېكايىنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، مۇنداق ھېكمەتلىرىنى تۆكىدۇ: «بۇرادەر، ئازراق گەپ قىلغاننىڭ ئاۋازى كۈچلۈك بولىدۇ. كۆپ سۆزلىسەڭ سۆزۈڭنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. ئۆزۈڭمۇ ئابرۇيىڭدىن چۈشىسەن. ئۇ چاغدا قېچىشتىن باشقا چارە يوق. بالام، سۈكۈت ساڭا سالماقلىق ئاتا قىلىدۇ، ئەي نادان، سۈكۈت ساڭا پەردە بولىدۇ. ئالىم بولساڭ ھۆرمىتىڭنى قولدىن بەرمە، نادان بولساڭ پەردەڭنى يىرتما. كۆڭلۈڭدىكى

بەت 404

قاشان ئېيتساڭ بولۇۋېرىدۇ، شۇڭا ئېيتىشقا ئالدىرىما. ئىچىڭدىكىنى ئالدىراپ تۆكمە، سىرىڭ پاش بولۇپ قالسا، ئۇنى ھەر قانچە قىلسىمۇ قايتا يوشۇرالمايسەن. ئىنسان بالىسى گەپ قىلىدۇ، ھايۋان گەپ قىلمايدۇ. بىمەنە گەپ قىلغانلار ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ. ئادەم بولساڭ ئادەمدەك گەپ قىل، بولمىسا، ھايۋاندەك سۈكۈتتە تۇرغىنىڭ ئەۋزەل. سۆز ئۆز ئەقىل ئادەمنى ئادەم قىلىدىغان سۈپەتلەردۇر. شۇنداق ئىكەن، تۇتى قۇشتەك يېقىملىق سۆزلە، لېكىن ئۇنىڭدەك نادان بولما.» ①

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تىرىك ئادەم سۆزلىمەي مۇمكىن ئەمەس، پەقەت مۇنداق ئىككى خىل ئادەم سۆزلىيەلمەيدۇ. بىرى گاچا، يەنە بىرى بىلىمسىز، گاچىنىڭ تىلى يوق سۆزلىيەلمەيدۇ، ناداننىڭ تىلى سۆز ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا نادان بولسا تىلغا ھاكىم بولۇشى، بىلىملىك سۆزىگە ئەركىن بولۇشى لازىم. بىلىملىك ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى بۇلاققا ئوخشاش كېمىيىپ كەتمەيدۇ. يەرگە سۇ قويسا نېمىتلەر ئۆنگىنىگە ئوخشاش بىلىملىكلەرنىڭ سۆزى ھاياتقا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىمسىز، نادان كىشىنىڭ كۆڭلى خۇددى قۇم باسقان دالادەك دەريا كىرسىمۇ تولمايدۇ. گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ»، «ياخشى سۆزنىڭ خاسىيىتىدىن بوز يەردىكى ئادەم يېشىل كۆككە ئۆرلىپ، تۆرگە چىقالايدۇ. ئەگەر تىل ئورۇنلۇق سۆزلەشنى بىلمىسە، كۆكتىكى كىشىنى يەرگە ئۇرۇدۇ. نادان ئادەملەر ئۆيدەك يەپ ئۆتسىلا شۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ، مەنىسىز سۆزلەرگە گۈل بولۇپ، ئۆزىنى سەمىرتىدۇ. بىلىم ئىگىلىرى بولسا، جېنىنى سەمىرتىپ، تېنىنى جۇدۇتىدۇ. بىلىمسىز نادان ئادەملەرنىڭ قۇرۇق، مەنىسىز، تاققا-تۇققا سۆزلىرى ئەڭ يامان ۋە زىيانلىق. ياتقان ئارسلاندۇركى، ھەزەر قىلمىسا بېشىنى يەيدۇ. تىلنىڭ ئېتتىكلىكىدىن كۆپ ھەرەج تارتقان بىر كىشى

396

بەت 405

مۇندىن دېگەن: تىلىم ماڭا شۇنداق كۈلپەتلەرنى سالدىكى، ئەمدى بېشىم كەتكۈچە تىلىمنى كېسەي، يۇقىرىقى سۆزدىن ئىبرەت ئېلىپ، باش كەتكۈچە سۆزگە دىققەت قىلىپ، چىش سۇنماستا تىلغا ھاكىم بولۇش كېرەك. ئېسىلىك ئۆزۈڭدىن ئادەم تىلدىن ھەرگىز يارامسىز سۆزلەرنى چىقارماسلىقى لازىم. بىلىپ سۆزلەنگەن سۆز بىلىم ھېسابلىنىدۇ. بىلىمسىزنىڭ سۆزى ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدۇ.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن كېيىن، نېمىنى دېيىش، نېمىنى دېمەسلىك توغرىسىدا يەنە مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «سۆز ئون بولسا، سۆزلەشكە لازىملىقى بىر، توققۇزى ياسالما بولىدۇ. ياسالما سۆز تېگىدىن بەتبۇي بولىدۇ. شۇڭا سۆز سانى ئون بولىدىغان بولسا، دېيىلىدىغىنى بىر بولۇشى لازىم. ئەڭ ياخشىسى كۆپ سۆزلىمەسلىك، تۈمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىر سۆز بىلەن يېشىش كېرەك.» ئارقىدىن، كۆپ سۆز دېگەن قانداق بولىدۇ، ئاز سۆزچۇ، سۆزلەش كېرەكمۇ ياكى سۆزلىمەسلىك كېرەكمۇ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «سورالغاندا ئورۇنلۇق جاۋاب بېرىش ئاز سۆز ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنسىز سۆزلەپ كۆڭۈلنى غەش قىلىش كۆپ سۆز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلەش پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ. تىل دېگەن سۆزلەشكە يارىتىلغان. تىل سۆزلىمىسە، بىلىمنى جايىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. تىلنىڭ ماختايدىغان تەرەپلىرىمۇ بار، سۆكۈلىدىغان تەرەپلىرىمۇ بار. مەدھىيەلەپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تىلى بىلەن ئىمان ئېيتىدۇ. ئىنسان پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان تەڭرىنى تىلى بىلەن مەدھىيەلەيدۇ، ۋۇجۇد بار كىشىگە تىل بىلەن كۆڭۈل لازىم. كۆڭۈل بىلەن تىل دۇرۇس سۆز ئۈچۈن يارىتىلغان. دۇرۇس سۆزلەنسە دائىم ماختىلىدۇ، ئەگەر سۆز ئەگرى بولسا ئۆزىمۇ ئوتتا پۇچۇلىنىدۇ. شۇڭا تىل ئورۇنلۇق سۆز ئۈچۈن تەۋرەنسۇن. تىل ئەگرى بولسا سۆزنى

بەت 406

يوشۇرۇش دۇرۇس» ①.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلەش ئەدەبى توغرىسىدا نېمىشقا بۇنچىلىك كۆپ سەھىپە ئاجرىتىدۇ؟ ئۆز دەۋرىدىكى ئىلىم سورۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلىم ۋە پەزىلەت مەكتىپى ئىدى. نۇرغۇن ئالىملار مانا شۇ سورۇنلاردا پىشىپ ئىلىم - ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن. بىز «قۇتادغۇبىلىك»تىن مۇنداق بىر كايىش تەلەپپۇزىدا ئېيتىلغان باياننى كۆرىمىز: «ئاتا - ئاناڭ ساڭا ئەي ئوغلۇم، بېگىڭگە ھەرگىز ئۆزۈڭنى تەڭ قىلما دەپ ئېيتىمىغانمۇ، يىگىت بېشى بېگىڭگە بويۇنتائولۇق قىلما، بېشىڭنى كۆتۈرگىن دەپ نەسىھەت قىلمىغانمۇ» (651 - 652). يۇقىرىقى بېيىتتىكى «يىگىت بېشى» دەپ ئالغان سۆزىمىز ئەسەردە «خىل باشلىق» دەپ ئېلىنغان. بىز ئۇنى قائىدە - يوسۇن تەربىيىسى بېرىدىغان، پەزىلەت ۋە بىلىمدە باشقىلاردىن ئۈستۈن بولغان سورۇن بېشى دەپ چۈشىنىدۇق. ئۇ ئوردىدىكى بىرەر ئەمەل نامى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق بىزگە لازىملىق تەرىپى شۇكى، ئۆز دەۋرىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ قائىدە - يوسۇنلۇق، پەزىلەتلىك بولۇشىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن باشقا «خىل باشى» نىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇق. ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرى كىچىكىدىن باشلاپ سورۇندا تاۋلىناتتى، سورۇن كۆرگەن ئادەم بىلەن سورۇن كۆرمىگەن ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلىمدە بولسۇن، ئىززەت - ئىكرامدا بولسۇن، قائىدە - يوسۇندا بولسۇن، ھاياتنىڭ مەنىسى جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى روشەن پەرق بولىدۇ. ئىلىم سورۇنلىرى ھاياتقا ئاجايىپ قىممەتلىك مەنى، خۇرسەنلىك ئاتا قىلىدۇ. ياخشىلار بىلەن تۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەسىرى تۈزۈن مەزگىل قەلبىتە ساقلىنىدۇ. سۆھبەت دېگەن بىر جانلىق دەرسخانا ۋە جانلىق كىتاب. ھازىرقى جەمئىيەتتە بىزنىڭ نۇرغۇن - نۇرغۇن بالىلىرىمىز

398

بەت 407

قۇرامىغا يەتكۈچىلىكمۇ شۇنداق ئاممىۋى ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنلىرىنى كۆرمەي چوڭ بولدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ لېۋى خام. ئۇلارنى كۆردى دېسەك، قارتا، بورت، قىمار سورۇنلىرىنى، ھاراق سورۇنلىرىنى كۆپرەك كۆرۈۋاتىدۇ، دەپ قارىساق بولىدۇ. ھەتتا بىزنىڭ چوڭلىرىمىزمۇ ياخشى سۆھبەت قۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىمۇ مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز، قۇرۇق گەپلەر بىلەن لاۋزا گەپلەر بىلەن نەچچە سائەتلىرىنى قۇربان قىلىدىغان نادانلار سورۇنى بولۇۋاتىدۇ. بىر سورۇندا بەش، ئالتە سائەت ئولتۇرۇپمۇ قۇلاققا ياققۇدەك بىرەر ئېغىز گەپ ئاڭلىماي چىقىپ كەتكەندىنمۇ ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز سورۇن بولامدۇ. مېنىڭچە، بۇمۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە خېلىلا چېكىنىپ كېتىپ بارغانلىقىمىزنىڭ مۇھىم بىر دەلىلى.

بىز چوڭلار پەرزەنتلەرگە باشلامچى ۋە ئۈلگە بولۇپ، ياخشى ئىلمىي سورۇنلارنى قۇرۇشىمىز، بالىلارنىڭ شۇنداق سورۇنلاردا تاۋلىنىپ چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم ئىدى. بالىلار شۇنداق تاۋلىنىش ئوچىقىدىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردا تىل مەدەنىيىتى ۋە تىل ئەخلاقى توغرىسىدىكى ساۋاتلار يوق دېيەرلىك. ئۇلار ئەڭ پاسكىنا، چاكىنا سورۇنلارنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ يېتىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان گەپ - سۆزلەر مەدەنىيەتلىك بىر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس، بۇنى دېمىسەممۇ ھەممىمىز مانا مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقاندىن كېيىن، سىلەرمۇ ھەر قەدەمدە بۇنداق پاسكىنا تىللارغا شاھىت بولۇپ تۇرۇسىلەر. ئەمدىكى گەپ، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز بارغانسېرى مەدەنىيەتسىز، ھايۋانلىشىپ كېتىدۇ؟ ئۇلار ياخشى سورۇنلارنى كۆرمىدى، ياخشى تەربىيە كۆرمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىۋاتقىنىمۇ، كۆرۈۋاتقىنىمۇ، قاتنىشىۋاتقىنىمۇ شۇنداق مەدەنىيەتسىز، ھايۋانىي سورۇنلار بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا جەمئىيىتىمىزدە، پاسكىنا، ئەخلاقسىز، قوپال

بەت 408

سۆزلىشىش ئومۇمىيلىققا ئايلىنىپ كېتىپ بارغاقچە، ئۇ ئەيىبلىك سانالمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ خۇددى يامان، ساقايماس كېسەللىكى بار ئادەم، ئۆزىدىن نومۇس قىلىپ كىشىلەردىن قاچىدىغان، بۇ كېسەل ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانغا ئوخشاش بىر ئىش. بىراق بۇ خىل مەدەنىيەتسىزلىكنى مەدەنىيەت دۇنياسىدىن كەلگەن بىر ئادەم كۆرىدىغان بولسا، بۇ ئىنسانلار ھەرگىزمۇ 21-ئەسىرنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس ئىكەن دەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلگەن ئادەم، بۇلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، باشقا بىر ياۋايى تائىپە، ئىپتىدائىي ئادەملەر توپى ئوخشايدۇ، دەپ قالىدۇ. ئەقلى بار ئادەم بۇ خىل باھادىن ئەلۋەتتە ئەجەبلىنىدۇ.

بەت 409

ئون ئۈچىنچى باب: ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنىڭ بىرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئىدىيىسىدە ئائىلىنى مۇقەددەس بىلىش، ئائىلىنى ئۇلۇغلاش، ياخشى بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، پەرزەنتلەرنى ياراملىق تەربىيىلەپ، ئەلگە تۆھپە قوشۇش جەھەتتىكى تەشەببۇسلىرى دىققەت - نەزىرىمىزنى قوزغايدۇ.

ئائىلە دېگەن بىر يىلتىز، ئائىلە دېگەن ھەم ئوزۇق، ئۇ ھەم رىشتە. ئۇ ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلايدىغان، مىللەتنى ئاۋاتلاشتۇرىدىغان، ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرىدىغان، ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان كىچىك ۋەتەن. ئۇنىڭ قانداق بولۇشى ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئائىلە بولمىسا مىللەت بولمايدۇ، دۆلەتمۇ بولمايدۇ. ئائىلىنىڭ ساپاسى ئەۋلادلارنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ. ناھايىتى روشەنكى، ئۇرۇق قانداق بولسا، مېۋىسى شۇنداق بولىدۇ. بۇ قانۇنىيەت بارلىق بولۇشتا ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. چۈنكى بالا ئۇرۇقتىن تۆرەلدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ خۇسۇستا ئېيتقان بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: «ياخشى ئۇرۇقتىن چاتاق چىقمايدۇ.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى، ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەرگە باغلاپ بايان قىلىدۇ.

بىرىنچى، ئۆز ئەۋلاد قالدۇرۇش مىللەتنىڭ ئۇرۇقىنى قورۇت[Footer] 401

بەت 410

ماسلىق، ئائىلىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىكنىڭ مۇھىم بىر شەرتى دەپ بىلگەن.

3371 خوتۇن ئال، تۇ تۇغسۇن، ئوغۇل - قىز قەۋەت، دېسە ئەۋلادى يوق، ئەرەن ئۈچۈن سەت.

3372 نېمە دەر، ئىشتىكىن، كىشىلەر خىلى، خوتۇندۇر نەسىلنى ئۈزمەسلىك يولى.

3373 ئوغۇل - قىزسىز ئۆتكەن پۇشايمان يېدى، كېيىن كەلگۈچى قىل ئوغۇل - قىز، دېدى.

3374 ئۆزىدىن بىر ئەۋلاد قالدۇرسا كېيىن، ئۇنى ئۆلدى دېمەي، تىرىكتۇر دېگىن.

3375 نەسىلسىز ئۆلسە ئەر، تۈگەيدۇ قۇرۇق، جاھاندا ئات، ئورنى قالۇر بوش - قۇرۇق.

نەسىلنى ئۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيلىنىش كېرەك. شۇڭا خۇدا دۇنيادا ئىككى جىنسنى ياراتتى ھەم بىر - بىرىدىن پايدىلىنىشقا ئورۇن ياراتتى. ئەر - خوتۇنلۇق لەززەتنى ياراتمىغان بولسا، دۇنيادا توي قىلىش، ئەۋلاد قالدۇرۇشمۇ بولمىغان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئەر - ئايالنى يارىتىشتىكى ھېكمەت توي قىلىپ، ئالدىن پاك پەرزەنتلىك بولۇش مەقسەت قىلىنغاندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۇغىدىغان ئايال بىلەن توي قىلىڭلار، مەن قىيامەت كۈنى سىلەر بىلەن ئۈممىتىمنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». ① گەرچە توي قىلىش ئەر


① ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان.

بەت 411

ئايال ئارقىلىق، ئايالى ئەر ئارقىلىق ئاللانىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى ھېس قىلىدۇ، لېكىن توي قىلىشتىكى مەقسەتنى ھەرگىزمۇ كۆڭۈل لەززىتى ئۈستىگە قۇرسا بولمايدۇ. بىرىنچى مەقسەتنى ئەۋلاد قالدۇرۇش دەپ بىلىش لازىم. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ توي قىلىشنى جىنسىي لەززەتلىنىش ئېھتىياجى دەپ قارىماي، بەلكى ئەۋلاد قالدۇرۇش ئېھتىياجى دەپ قارايدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنىپىيىتى نۇقتىسىدىن پىكىر بايان قىلغاندا، ئۆيلىنىش ئىنسانلارنىڭ تۇرۇقنى ئۆزىمەسلىك يولى. ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆيلىنىشنى تەرىك ئېتىپ، تەركىدۇنيالىق يولىنى تۇتسا، ئىنسان بالىسىنىڭ ئۇرۇقى قۇرۇپ، بۇ دۇنيا قۇرۇق قالىدۇ، دەيدۇ.

ئىككىنچى، توي قىلىشنى ھارامدىن ساقلىنىپ، ھالال، پاك جۈپتى بىلەن ئورتاق تۇرمۇش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى دەپ قارايدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىلارغا ئوغۇلنى بالدۇر ئۆيلەندۈر، قىزنى بالدۇر ياتلىق قىل، ئەگەر باھانە-سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ تويىنى كېچىكتۈرۈۋەتسەڭ، ئۇلار ھارامغا ماڭىدۇ، زىناخورلۇق بىلەن ئۆزىنى بۇلغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاغرىمايلا ئۆلۈسەن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. چۈنكى بۇ خۇسۇستا دىنىي شەرىئەتتىمۇ، بالىلارنى ئۆيلەندۈرۈشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دەۋەتلەر بار ئىدى: «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر-ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇللىقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن) ئاللا ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ» ①. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي ياشلار، سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولغانلار توي قىلىڭ. توي قىلىش كۆزنى نامەھرەمدىن يۇمىدۇرىدۇ، زىنادىن ساقلايدۇ» ②. يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم بولغانلىقى ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاتا


① «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، نۇر سۈرىسى 32-ئايەت. ② بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

403

بەت 412
  • ئانىلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئەگەر دە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ۋاقتىدا ئۆيلەندۈرمەي، ۋاقتىدا ئەرگە بەرمەي، ئۇلارنىڭ زىنا يولىغا مېڭىشىغا سەۋەب بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ گۇناھى ئاتا - ئانىغا بولىدۇ. خانلىقنى ئەسكەرتىدۇ. چۈنكى، مەلۇم مەنىدە بالىلارنى ئۆزۈن ئۆيىدە ساقلاش، بىرىنى كەمبەغەل ئىكەن دەپ، بىرىنى خىزمىتى يوق ئىكەن دەپ، بىرىنى ھۈنىرى يوق ئىكەن دەپ، يەنە بىرىنى ئاتا - ئانىسى ئەسكى ئىكەن دەپ قارىغا سۈرۈش، ئۇلارنى زىناغا مەجبۇرلىغانلىق بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاتا - ئانىلاردىن بالىلارنىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

4507 ئوغۇلنى ئۆيلەندۈر، قىزنى ئەرگە بەر، ياشا دەرد - ئەلەمسىز، ئايا قۇتلۇق ئەر.

ئۈچىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆيلەنمەكچى بولغان ئوغۇلغا قانداق قىزلارنى تاللاشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا مۇنداق تەربىيە قىلىدۇ.

(1) ئەگەر ئۆيلىنىشنى خالىساڭ، كۆزۈڭنى ئوبدان يۈگۈرتۈپ ئەڭ ياخشىسىنى تاللىۋال، ئاۋۋال بىرىنچى شەرت تېگى - تەكتى ياخشى، تۇخۇمى ھەم ئۇرۇق ئېسىل بولسۇن. قىزنىڭ ئۆزى ئۇياتچان، ھايالىق، تەقۋا، پاك بولسۇن. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن تېگى ئېسىل، تۇخۇمى ھەم ئۇرۇغى ياخشى بولسۇن، دېگەن گەپ، شۇ ئائىلىنىڭ تەبىئىتىگە قارىتىلغان. ياخشى ئائىلىنىڭ قىزى ياخشى تەربىيە كۆرىدۇ، يامان ئائىلىنىڭ قىزى يامان تەربىيە كۆرىدۇ. ياخشى تەبىئەتلىك ئەر ۋە خوتۇندىن ياخشى تەبىئەتلىك ئادەم تۇغۇلىدۇ، يامان تەبىئەتلىك ئەر - خوتۇندىن يامان تەبىئەتلىك پەرزەنت تۇغۇلىدۇ. ھايالىق، تەقۋادار ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز بىلەن ھاياسىز، ئىمانسىز ئائىلىدە چوڭ بولغان قىزنىڭ خۇي پەيلى

بەت 413

ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. پاك قىز ئامەت بىلەن كەلسە، ناپاك قىز ئاپەت بىلەن كېلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەمئىيەتنى ئەتراپلىق كۆزەتكەندىن كېيىن، توي قىلماقچى بولغان ياشلارنىڭ مۇنداق تۆت خىل پەرقلىق ئارزۇدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ: «كىم ئۆيلەنمەكچى بولسا، مۇنۇ تۆت خىل ئايالنىڭ بىرىگە قىزىقىدۇ: بەزىلىرى باي ئايالغا ئۆيلىنىشكە قىزىقىدۇ، يەنە بەزىلىرى گۈزەل خوتۇننى قوغلىشىدۇ. بەزىلەر ئۇلۇغلۇق نامى بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن ئېسىل نەسەبلىك ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدۇ. بەزىلىرى تەقۋادار، پەزىلەتلىك ئاياللار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ» (4486-4489). يۇقىرىقى پەرقلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، پەرزەنتلەرگە خوتۇن تاللاشتا نېمىنى ئاساس قىلىش ھەققىدە مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: ھەي باي خوتۇنغا ھېرىسمەن ئوغۇل، ئاگاھ بولغىنكى، خوتۇننىڭ قۇلى بولۇپ قالمايىسەن! ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تەمەننا قويۇپ، ساڭا تىلىنى ئۇزارتىدۇ. ئۇنىڭ تىلى بەك يۇقىرى بولىدۇ، سۆرىمەكلىك تەس. ئەي گۈزەل جامالغا ھېرىسمەن ئوغۇل، بەك گۈزەل خوتۇننى قوغلاشما، ئۇ سېنى كىشىلەرنىڭ مەسخىرە كۈلكىسىگە قويمىسۇن. چىرايلىق ئايالغا ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدۇ. ئۇلارنى خۇدانىڭ ئۆزى ساقلىمىسا، سەن قوغداپ بولالمايسەن. ئەي ئېسىل نەسەب، ئالىي ئۇرۇقنى ئىزدەگۈچى ئەر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈڭنى خار قىلما، ئۇلار نەسەبىنى دەستەك قىلىپ تىلىنى ئۇزارتىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قۇلدەك تۆۋەن ئورۇندا بولۇپ قالما. ئەي نازۇك، تەقۋادار، پەزىلەتلىك خوتۇنغا كۆڭۈل باغلىغان ئوغۇل، ئۇنداق خوتۇنغا ئېرىشسەڭ يۇقىرىقى تۆت نەرسىگە تولۇق ئېرىشكەن بولىسەن. ئەگەر ئۇنداق خوتۇنغا ئۇچراپ قالساڭ ھەرگىزمۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويما. باي بولاي دېسەڭمۇ ئۇنداق خوتۇن بىر بايلىق، ئۇ سېنى بېيىتىپ مەڭگۈنى قىزىل قىلىدۇ. پەزىلىتى ياخشى بولسىلا گۈزەللىك دېگەن شۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن

405

بەت 414

ئەڭ قىممەتلىك گۈزەللىك ئەخلاق - پەزىلەتتۇر. بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرلا بۇنى ھېس قىلالايدۇ. پەزىلەتلىك خوتۇنغا ئېرىشەلىسەڭ ھەممە شەرت ھازىر بولىدۇ. بۇنداق ئايالنى ھەرگىز قولدىن چىقىرىپ قويمايىسەن (4486-4503). ئۆيلىنىش ھەربىر كىشىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان مۇھىم بىر تاللاش، بىراق ياشلاردا كۆپۈنچە ئەقىلغا ئەمەس، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش تۇتىدىغان، ھېسسىياتنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ خوتۇن تاللايدىغان ئىش ھەرقاچان بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بەزىسى مەپتۇنلۇق، مۇھەببەت بولسا، بەزىسى تەمە ۋە ھېرىسمەنلىك، قىزغىنلىق، شەھۋانىيلىق بولۇشى مۇمكىن، بىراق شۇنى بىلىش لازىمكى: «يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر» ①. يامان ئاياللار ياخشى ئەرلەرنىڭ قولىغا چۈشسە ئېرىگە ھاقارەت كەلتۈرۈشى، ئۇنى خارلىقتا قويۇشى مۇمكىن. ياخشى ئاياللار يامان ئەرلەرنىڭ قولىدا ئازاب چېكىشى مۇمكىن. بىراق تۇرمۇش ئىشىدا قېلىپتا قويغاندەك ياسىۋالغىلى بولمايدۇ. بىراق ھەممىلا ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئەر بولۇشىغا ۋە ھەقىقىي خوتۇن بولۇشىغا سالاھىيىتى توشۇشى ناتايىن. بەزى ياشلار بىرلا كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالىدۇ، بىراق ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، بەزىلەرگە تانسا خانىلارديلا ئىسسىق ئوتۇشۇپ قېلىپ ئالدىراپ توي قىلىشىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي كېلىشەلمىدۇق دەپ ئاجرىشىپ كېتىدۇ. ئەسلى نىكاھ دېگەن قونچاق ئويۇنى ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەت. قەدى - قامىتى بولسىلا ئەر ھېسابلانمىغىنىدەك، ھۆسن - جامالىنى ئەمەس بەلكى پەزىلەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندىلا، ئائىلىدە بەخت ياراتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ناھايىتى قىممەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلغان: «كۆرۈنۈشتىكى گۈزەللىككە ئال[Footer] ① «قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 26 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى. 406

بەت 415

دېنىپ قالساق، مەنىۋى گۈزەللىكتىن بەھرىمەن بولالمايسەن، تاشقى گۈزەللىكنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇنىڭ يۈزىدىكى رەڭدارلىق پەقەت قان بىلەن بەلگىلىنىلا ئىبارەت. ئۇنداق ھۆسن - جامالنى ماختاپ ئولتۇرما. بۇ، تەڭداشسىز گۆھەرنى بىلمەستىن مۆلدۈر تەرەپكە مايىل بولغاندەك، شەرق قۇياشىدىن يۈز ئۆرۈپ، شام يورۇقىغا مەھلىيا بولغاندەك بىر ئىش. تاشقى گۈزەللىكتە ۋاپا بولمايدۇ، بۇنداق گۈزەللىكنىڭ ساپاسى ۋە ئەبەدىيلىكى پەقەتلا يوق. بۇ خىل گۈزەللىك ئاشىق ۋە شەيدا بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ. بۇنداق ئىش كىشىنى رەسۋاچىلىقتىن باشقا تەرەپكە ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇنىڭدا ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك داۋاملىق بولۇۋەرمەيدۇ. چۈنكى، بۇ خىل گۈزەللىك ئۇلارغا ۋاقىتلىق ئامانەتكە بېرىلگەن. شۇڭا، ئۇنى بۈگۈن گۈزەل دېسەكمۇ، ئەتە گۈزەل بولمايدۇ. بۇنداق چىراي ۋە گۈزەللىك مەھبۇبلۇققا يارىمايدۇ». ھەقىقىي سۆيگۈ ۋە ئاشىقلىق مۇنداق بولىدۇ: بىر شەھەردە ناھايىتى قېرى بىر كىشى بار ئىكەن، بۇ بىر قانچە پادىشاھنىڭ دەۋرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، كۆپنى كۆرگەن، دەۋران سۈرگەن بىر بوۋاي ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بۇ قېرى دەۋرەخنىڭ شۇنداق بىر مېۋىسى پىشتىكى، گۈزەللىكى پۈتۈن شەھەرگە داڭ كېتىپتۇ. ئۇ قىز چوك بولۇپ، ئاشىقلارنىڭ يۈرەكلىرىنى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئاتىسى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولغىنى بىلەن قىسقا ئەقىللىق ئىكەن، قىزنىڭ گۈزەللىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى تۈۋىدىن كېسىۋېتىپ، چېچىنى ئۇستىرا بىلەن قىرىپ مۇسانىڭ قولىغا ئوخشاش قىلىپ قويۇپتۇ. ①

قىزچاقنىڭ مەستانە كۆزلىرىگە مەپتۇن بولغان بىرىگە بىر دوستى:

— ئەي جاپاكەش ئاشىق! ئەمدى بۇ سەۋدايىدىن ۋاز كەچ،


① ھەزرىتى مۇسانىڭ قولى قوينىغا سېلىپ چىقارغاندا، يالت - يۇلت قىلىپ پارقىرايدىكەن. بۇ قىزنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەنگە كىنايە.

بەت 416

ئۇستىرا ئۇنىڭ گۈزەللىك شاھىنىڭ پېلىكىنى كەستى، شام ئۆچتى، پەرۋانە ئۆچكەن شامدىن قانداق يۈز ئۆرۈسە، سەنەمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈ. — دەپتۇ.

ئۇ سەمىمىي ئاشىق پەرياد قىلىپ دەپتۇ:

— ئەيىبەتسىزلەرنىڭلا ۋەدىسى ئۆلۈك بولىدۇ. مېنىڭ سۆيگۈنۈم گۈزەل يۈزلۈك، ئېسىل خۇلقلۇق بولغاچقا، ئاتىسى جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا، مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا قىل بىلەن باغلانغان ئەمەستە، مەن ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن، سۆيگۈسىدىن ئېرىپ تۈگىشىتىم.

دېمەك، بۇ ھەقتە بالىلارنى ياخشى ساۋاتقا ئىگە قىلىش كېرەك. چۈنكى نوقۇل گۈزەللىككىلا مەپتۇن بولغان ۋە تەمە قۇللۇقىغا ئەسىر بولۇپ، شۆھرەتكە بېرىلگەنلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بىراق ئۇلارغىمۇ مەيلى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىدىن كۆرسۇن دەيلى، بىراق بىر قانچە بالا بولغاندىن كېيىن تۇرمۇش ۋەيران بولسا بالىلارغا ئوۋۋال بولىدۇ. تۇرمۇشتىن مۇنداق ئىشلارنى ھەر قاچان كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرىمىزۇ، ئىبرەت ئالالمايمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇنداق ياشلارغا، ئاتا-ئانىلارغا بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ. بۇ بىر ئۇلۇغۋار ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن كۈتىدىغان ئالىيجاناب ئۈمىدى.

تۆتىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە يەنە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، تېخى ياتلىق بولمىغان ئۆي قىزىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدا كۆزدە تۇتۇلغىنى نېمە، «سەندىن بۆلەك ئەر يۈزىنى كۆرمىگەن بولسا، سېنىلا سۆيىدۇ، باشقىلارغا كۆڭۈل بەرمەيدۇ، يارامسىز، قىلىقسىز ئىشلارنى قىلمايدۇ. (4477-4478) بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ قىز ئېلىشقا دەۋەت قىلغان سۆزلىرى بار ئىدى. بىر ساھابە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ ئۆيلەنگەنلىكىنى ئېيتقان، قىز ئالدىڭمۇ ياكى جۇۋانمۇ دەپ سورىغاندا، جۇۋان ئالدىم دەپ جاۋاب بەرگەندە، ئۆزۈڭ بىلەن قورداش بولغان

بەت 417

قىز ئالساڭچۇ دېگەن. ساھابە بەزى سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەندە، يەنە ئۇنداق بولسا ئوبدان قىلىپسەن دېگەن. يۇقىرىقى «قۇرداش قىز ئالساڭچۇ» دېگەن سۆز ئومۇمىي دەۋەت، «ئوبدان قىلىپسەن» دېگەن تەستىق ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بولۇۋېرىدۇ دېگەن مۇھىملىق. بىز شۇنى بىلىمىزكى، قىز دېگەن قىز، ئۇنىڭغا يارىتىلىشى بىلەنلا ئاللا ئۆز ھېكمىتى بىلەن پېچەت سالغان. بۇ پېچەت ئۇنىڭ پاكلىقىنى قوغدايدىغان، پاكلىقىغا گۇۋاھ بولىدىغان مۇقەددەس بەلگە. ئۇنى پەقەت تۇنجى قېتىم نىكاھىغا ئالغان ئادەملا ئېچىشى ھالال، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق باھانە - سەۋەب بىلەن ئۇ پاكلىق مۇنارنى نۇرۇۋېتىشى جىنايەت ۋە زىنادۇر. نىكاھسىز ھالەتتە ئۆزىنى باشقا ئەركەكلەرگە ئىختىيارسىز بەرگەن قىز ئىپلاس، ناپاك ئايالدۇر. بۇنداق ئايال بىلەن بىرگە ئۆتۈش ئەركەگكە ئېغىر ئازابلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى تېخى قىز ھالەتتە، مۇقەددەس بەلگە، پېچەتنى بۇزۇۋېتىشكە ھاياسىز ماقۇل كەلگەن بىر قىز، نىكاھ ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنداق بۇزۇقلۇقنى قىلىشتىن تارتىنىپ ئولتۇرارمۇ، ئۇنىڭ قەلبىگە تۇنجى زىلزىلىنى سالغان شۇ يىگىتنىڭ تەسىرى پاك - پاكىز ئۆچۈپ كېتەرمۇ؟ شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز باشقىلارنىڭ قولى تەگمىگەن، پاكلىقى بۇزۇلمىغان ئۆي قىزىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. بىراق، بىر قېتىم نىكاھلىق بولغان جۇۋاننى ئۆيلەنمەي تۇرۇپ ئېلىش بىلەن، نىكاھلىق بولماي تۇرۇپلا جۇۋان بولۇپ بولغان ئايالنى ئېلىشنىڭ خاراكتېرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بەشىنچى، قۇرداش، تەڭتۇش قىزلارنى ئېلىشقا ئىشتىراك قىلىنغان. بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر خوتۇن ئالىدىغان بولساڭ ئۆزۈڭ بىلەن قۇرداشنى ئال (4483).

نىكاھ دېگەن «ئۆمۈر سودىسى» دېگەن ھېكمەتنى ھەرقاچان يادلاپ تۇرىمىز. بىرگە ياشاپ، بىرگە قېرىش، ئاخىرقى ئۆمرىگىچە

بەت 418

قەدىناس ئەر - خوتۇنلاردىن بولۇپ، بەختلىك ھالدا بالىلىرىنى دەرقەمەتە بېقىپ قاتارغا قوشۇش نىكاھنىڭ مۇھىم بىر مەقسىتى. ھېچكىم بىر كۈنلۈك ياكى بىر قانچە ۋاقىتلىق توي قىلمايدۇ. ۋاقىتلىق نىكاھ ھارامدۇر. بىراق جەمئىيەتتە بىر قىسىم قىزلار مۇھەببەتتىن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر تەمە بىلەن ئۆزىدىن ياشقا خېلىلا چوڭ ئادەملەر بىلەن توي قىلىۋالىدۇ، يەنە بەزى ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان پىشقەدەملەر بولۇپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ بالىسىدەك قىزلارنى ئېلىشقا ھەۋەس قىلىپ، بۇرۇنقى ئايالىدىن تانىدۇ. بۇنداق نىكاھ نورمال، دۇرۇس نىكاھ ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭغا توغرا بولمىغان نىيەت يوشۇرۇنغان. بۇنداق نورمالسىز نىكاھ كۆپىنچە باي ئەرلەر ياكى باي ئاياللار بىلەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ نامرات ئەر، نامرات ئاياللار بىلەن بولمايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىتى باشقا، ھەرگىزمۇ بۇ مۇھەببەت، ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ ئەمەس.

ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نورمال بولغىنى ياخشى. چۈنكى ياش چوڭايغانسېرى ئوتتۇرىدىكى پەرق تېخىمۇ روشەن كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بىرى بۇرۇنلا ئىشتىن چىقىپ ھېسسىيات ئورتاقلىقى تۈگەپلا قالماي، بەلكى ئائىلىنىڭ يۈكىمۇ بىر تەرەپنىلا ئۈستىگە قالىدۇ. يەنە بىر يامان ئاقىۋەتمۇ باركى، ھېسسىيات جەھەتتە چاڭقىغان بىر تەرەپ، ئۆزىگە باشقا جورا ئىزدەيدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئائىلىگە چوڭ ھاقارەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشتا ھەر ئىككى تەرەپ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلاپ ئىش تۇتۇشى، ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ بەختىنى مال - دۇنياغا قۇربان قىلىۋېتىشتىن ھەرقاچان ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

ئالتىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى: «سەن خوتۇنۇڭغا ھەرقاچان ياخشى كۆزەتچى بول، ئۇنى ھەرگىز سىرتلارغا چىقارماي، ئۆيدە ساقلا، ئۇلارنىڭ ئىچى چىندەك ئۇنداق ئاق بولمايدۇ. ئۆيۈڭگە يات ئەرلەر يولىمىسۇن، ئۇ[Footer] 410

بەت 419

نىغا يات ئەرنىڭ كۆزى چۈشسە ھەممە ئىش بۇزۇلىدۇ. كۆز كۆرسە كۆڭۈل تەقەززا قىلىدۇ، كۆرگەن ئىككىنەرسە كۆڭۈلگە يۈگۈرەيدۇ. كۆڭۈلنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆزنى تىزگىنلەش زۆرۈر. دىققەت قىلغىنكى، ئەر - ئايالنى ھەرگىزمۇ ھەمدەستىخان قىلما. بۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ قويۇشمۇ ھەممە تىرىشچانلىقلىرىڭنى بىكارغا كېتىدۇ. ئايال كىشى سىرتنىڭ ئىشىغا بۇيرۇلسا، دۇرۇسلۇق يولىدىن تايىدۇ. خوتۇن كىشى دېگەن بىر گۆشتۇركى، ئۇنى ئوبدان ساقلاش لازىم. بولمىسا پۇراپ قالىدۇ- دە، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم قىل، ئەر زاتى زادى يولىمىسۇن، سېنىڭدە بولسۇنكى، ئەزەلدىن ئايال زاتىدا ۋاپا يوق. ئۇلارنىڭ كۆزى نەگە باقسا، كۆڭلى شۇياققا كېتىدۇ. ئايال كىشى جەبىر - ئەلەم سۈيى بىلەن ئۆستۈرۈلگەن دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى سەۋەبىدىن يولدىن ئېزىپ يىلتىزى قۇرۇيدى. قانچىلىغان ئابرۇيلۇق، بۈيۈك ئوغلانلار ئەنە شۇ خوتۇنلار كاساپىتىدىن يەر بىلەن يەكسان بولدى؛ تۈمەنلىگەن مەشھۇر مەرد پالۋانلارنى شۇ خوتۇنلار تىرىك يەرگە كۆمدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئاللا ئۆزى ئىنساپ بەرمىسە، بەدىنىڭنىڭ ئۇلارنى پاك ساقلىيالىشى ۋە تۇتۇپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. (4513-4526)

نىكاھ ئەھدىسى مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە خۇدالىق ئۈچۈن قىلىشقان پاكلىق قەسىمى، ساداقەت ئەھدىسى، بۇ قەسەم مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈكتۇر. پاكلىق بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى، ئەر - ئايالنىڭ دىيانىتىنى سىنايدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم، ئائىلىدە نۇرغۇن نۇقسانلارنى، كەمچىلىكلەرنى كەچۈرۈۋېتىشكە بولسىمۇ، لېكىن پاكلىق مۇنارى يىقىلغاندا ئۇنى تۇرغۇزۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ساداقەتسىزلىك ۋە نىكاھ ئەھدىسىگە ئاسىيلىق قىلىش ئەر بىلەن ئايالنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان رىشتىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئامانەت - خىيانەتنىڭ قۇربانى بولىدۇ، ئىسلام ئەقىدىسىدىمۇ نىكاھ ئەھدىسىگە ۋە باشقا

411

بەت 420

ئەھدىلەرگە ھەرگىز خىيانەت قىلماسلىققا بۇيرۇلغان: «ئەي مۆمىنلەر! ئەھدىگە (يەنى ئاللا بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىگە) ۋاپا قىلىڭلار» نىكاھنىڭ قارار تېپىشى ئىنسانلارنىڭ پاكلىقىنى قوغداش، زىناخورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەسەب ئارىلىشىپ كېتىشكە چەك قويۇش ئۈچۈن ئىدى. نىكاھ پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىكەن، ئۇ پاكلىق، ساداقەت ئارقىلىقلا مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ. زىنا قىلغۇچىلارنى دىنمۇ، قانۇنمۇ ئوخشاشلا ئەيىبلەيدۇ. ئىسلام دىنىدا زىنا ھارام دەپ ئېنىق ھۆكۈم قىلىنغان. چۈنكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.» ① ئەرلەرنىڭ ئۆز خوتۇنىدىن سىرت، باشقا ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىنى ئەيىبلەپ: «بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي) تەلەپنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.» ② ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇزۇقچىلىققا، ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتكەن، كەيىپ-ساپانى ھايات مەقسىتى قىلىپ، ھالال-ھارامنى ئايرىمىغان نۇرغۇن قەۋملەر ھالاك بولغان، ئەر-ئاياللاردا يۈز بېرىدىغان بۇزۇقچىلىق يەنە شۇنداق بىر ھالاكەتتىن بېشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇكى، زىناخورلۇق كۆپىيىپ كەتكەن مىللەتتە ئاۋۋال مۇنداق ئىككى ئاپەت ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ: بىرى، نەسەل-نەسەبلەر ئارىلىشىپ، ھارامدىن بولغان بالىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. ھارامدىن بولغان بالىلار ناپاكلىقنىڭ مەھسۇلاتى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ پاكلىق بولمايدۇ. ئونداق ئادەم ئائىلىسى ئۈچۈنمۇ ئاپەت، مىللەت ئۈچۈنمۇ جىنايەتكار بولىدۇ. ناپاكلىقتىن پاكلىق، ئابادانلىق كەلمەيدىغانلىقى بۇ قانۇنىيەت؛ ئىككىنچىدىن، مىللەتكە ھەر خىل يامان، مەھەز، ساقايماس كېسەللەر چاپلىشىپ، ئۇ مىللەتنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتۇدۇ. بۇ ھەقتە بىزگە يېتىپ كەلگەن بېشارەتلەرمۇ بار: «بۇ…

① «قۇرئان كەرىم» 17-سۈرە ئىسرا 32-ئايەت. ② «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، 23-سۈرە مۆمىنۇن 7-ئايەت. 412

بەت 421

رەزىل مىللەت ئىچىدە پاھىشۋازلىق، زىناخورلۇقنى تارتىنماستىن ئاشكارا قىلىش باسقۇچىغا يەتكەندە، ئاللاتائالا ئۇ مىللەتنى ئىلگىرىكىلەردە بولۇپ باقمىغان كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە، دۇنيادا تارقالغان ئەيدىز ۋە باشقا مەھرەز كېسەللىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلىقتىن پەيدا بولغان.

يۇقىرىقىدەك قورقۇنچلۇق تەقدىرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئادەم پاكلىقنى تەكىتلىشى، ناپاكلىققا قارشى تۇرۇشى، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە پاكلىقنىڭ خاسىيىتى، ناپاكلىقنىڭ ئاپىتى توغرىسىدا ئەستايىدىل تەربىيە قىلىشلىرى كېرەك. بۇ بىر تەرەپ، ئەڭ مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى ساقچىسى بولۇشى، ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشلىرى كېرەك، پەقەت ئېغىزدىلا ئۇنداق قىلما، مۇنداق قىلما دېيىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەندەك، ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. ھازىر زامان تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ناھايىتى كېڭىيىپ كەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇزۇقچىلىققا كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىلىپ كەتتى، بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت. بىراق بەزى كىشىلەردە «توغرا چۈشىنىش» دېگەن يامان بىر چۈشەنچە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ «توغرا چۈشىنىش» تولىمۇ خەتەرلىكتۇر.

ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ھەقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ھوقۇقى بار. شۇڭا كۆڭلىنى سۈننەت قىلىنغان. كۆڭلۈمدىدىغان گەپلەرنى مۇناپىق دەپ ئاتىغان. ھەدىستە ئۈچ خىل ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى «دەيۈز ئادەم» ① دەپ ئاتىغان. «دەيۈز» نىڭ مەنىسى

--- [Footer] ① «قۇرئان كەرىم» سىللىتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى، سۈرە غايىر 19-ئايەت. 413

بەت 422

خوتۇننى كۆڭلىمەيدىغان ئادەم دېمەكتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەكىتلىگىنى يۇقىرىقى دەۋەتلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندۇر. قالغان ئىشلارنى ھەربىر مۆمىن پەرھىزىتنى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقاندىن كېيىن، ئۆزى چۈشىنىۋالالايدۇ. ھەقىقىي چۈشىنىش بولغاندىلا، ئاندىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاگاھلاندۇرغان ئىشلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭغا رىئايە قىلىنسا ئۇنىڭ بەختى، ئەگەر رىئايە قىلماي «توغرا چۈشىنىپ» كېتىۋەرسە، ئۆزىنىڭ شۇم ئىستىقبالىغا قانداق خەت يېزىلغان بولسا شۇنى كۆرۈشكە تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.


ئائىلە باشقۇرۇشمۇ بىر خىل مۇھىم، ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارلارنىڭ بىرى. بەزىلەر ئۇنى دۆلەت باشقۇرماقتىنمۇ تەس دېيىشىدۇ. ئائىلە باشقۇرۇشقا بەلكىم مەلۇم دۆلەتنى باشقۇرغاندەك يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرھىزىتلىرىگە ئائىلە باشقۇرۇش توغرىسىدا ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان مۇنداق بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ.

بىرىنچى، پاك، تەقۋادار ئايالنى ھۆرمەتلەش، ئۇنى قەدىرلەپ، لازىملىق نەرسىلەردىن قىسماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ: «خوتۇنۇڭ تەقۋادار بولسا ئۇنى قەدىرلە، نېمە تەلەپ قىلسا شۇنى ھازىر قىلىپ بەر». ئائىلىنىڭ مۇھىم بىر تۈۋرۈكى ئۆزئارا ھۆرمەتتىن كېلىدۇ. مۇھەببەتمۇ تەڭلىك - باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەتتىن كامال تاپىدۇ. تەڭلىك - باراۋەرلىك بولمىغان جايدا قەدىر - قىممەت بولمايدۇ، ھۆرمەت بولمايدۇ، مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ غولىغا قۇرت چۈشۈرىدىغان بىر ئاپەت شۇكى، بىر - بىرىدىن چوقلۇق، مەنەملىك تالىشىدۇ، ئائىلىدىكى ھۆكۈم[Footer] 414

بەت 423

رانلىق ھوقۇقنى تالىشىپ ئۆزئارا سوقۇشتۇرىدۇ. بەزى ئەرلەر ئاياللىرىنى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتىن قىسىدۇ، سىرتتا بولۇشقا خەجلەيدۇ، ئۆيىگە بىر ساپاق ئۈزۈم كۆتۈرۈپ كىرىشكە قارنى ئاغرىيدۇ. بۇ نېمە دېگەن نائەھلى ئەر، ئائىلىسىگە كۆيۈنمىگەن ئەر تېخى ئەرلىك سالاھىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئەر دۇر. بىراق يەنە بىر تەرەپمۇ باركى، بەزى ئاياللار ئۆزىنى بىلمەي، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنماي، ھەددىدىن ئېشىپ ئىسراپچىلىق يولىغا كىرىدۇ. زۆرۈرىيەتسىز نەرسىلەرگە پۇل خەجلەپ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى شامالغا سورۇيدۇ. بۇنداق ئاياللار ئۆيىگە كۆيۈنمەيدۇ، ئېرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، شەخسىيەتچى، يالماۋۇز ئاياللارنىڭ تىپىغا كىرىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىنى بۇزىدىغان، بەختسىزلىككە، مۇھتاجلىققا سۆرەپ كىرىدىغان يامان ئادەتلەردۇر. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى قەدىرلەش، ئىشلاردا ئورتاق كېڭىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

ئىككىنچى، ئۆي تۇتقاندا پاكىز، تەرتىپلىك، ئازادە بولۇشقا يېتەكلەش تەلەپى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆي-جايىڭنى ئازادە، پاكىز تۇت، بەخت-دۆلەت ئېرىق جايدا كۆكىرىدۇ.» ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن پاكىزلىقى بىلەن داڭ قازانغان خەلقلەرنىڭ بىرى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن پاكىزلىق مەسىلىسى ئەقىدىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى. ئاللا مۇنداق دېگەن: «كىيىمىڭنى پاك تۇت»①. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.»② يەنە مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى ئاللا پاكتۇر، پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ، ئاللاتائالا پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى سۆيىدۇ. ئاللاتائالا سېخىيدۇر، سېخىيلىق--- [Footer] ① «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 4-سۈرە ياسىن 74-ئايەت. ② مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

415

بەت 424

نى ياقتۇرىدۇ. ھويلا - ئاراملارنى پاكىز تۇتۇڭلار، يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماڭلار.» ① بۇنىڭدىن ئىسلام ئەقىدىسىدە تازىلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئادەمنىڭ تەبىئىتىمۇ پاكىز يارىتىلغان، پاكىزلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مەينەتچىلىك تەن سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزۈپ قالماي، بەلكى مەينەتچىلىك بەختسىزلىكنى چاقىرىدۇ، ئىسلام دىنى پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن بولغاچقا، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ئائىلىدە ئىسلام يوق، ئىمان يوق دەپ قارايدۇ. نەدە پاكىزلىق بولسا روھمۇ پاكىز بولىدۇ، نەدە مەينەتچىلىك بولسا روھمۇ بۇلغىنىدۇ؛ مەينەت ئائىلىدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بەختمۇ يۈز ئۆرۈيدۇ. بىر ئائىلىگە نامراتلىق ھاقارەت كەلتۈرەلمەيدۇ، بىراق مەينەتچىلىك ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە «پاكىزلىق يېرىم دۆلەت» دېگەن ئەقىدە بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بارلىق كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ، تازىلىقى ياخشى بولمىغان تاماق گالغا تېرىق بولىدۇ. كېسەللىك دېگەن ئۆلۈمنىڭ قوشنىسى، شۇڭا يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا تولىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك دەپ ئۆگەتكەن. شۇڭا بۇ ئىشتا بولۇپمۇ قىز پەرزەنتلەرگە ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك بولۇش، ئۆينى پاكىز تۇتۇش جەھەتتە ئۈلگە بولۇش ھەم ئۇلاردا شۇنداق ياخشى ئادەتنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشقا ئۆگەتكەن. ئو پەرزەنتلەر: «كىرىمىڭگە يارىشا چىقىم قىل، چىقىم بولسا دەرھال كىرىم يولىنى قىل. يولۇم ئوچۇق بولسۇن دېيىسەڭ ھەر قاچان ئىلىم - بىلىمدە ھوشيار بول. ھەي مەرد يىگىت، قولۇڭ قىسقا بولۇپ قالغان چاغلاردا كىشىلەرگە زارلانما ۋە يېلىنما، دوستلىرىڭ موھتاجلىقىڭنى بىلمىسۇن قولۇڭغا قول

① تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. 416

بەت 425

بولالمايدۇ، دۈشمەنلىرىڭ ئاڭلىسا تىنمائى كۈلىدۇ. دوست، بۇرادەرلىرىڭنىڭ ئالدىدىمۇ خارلىققا قالمايسەن. كۆڭۈل ئاغرىقىدا دىلىڭ ئازار يەيدۇ.» دېگەنگە ئوخشاش قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ.

ئىقتىسادچانلىق ۋە تىرىشچانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بىرى ھەم ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. ئائىلە باشلىقلىرى ئۆز ئائىلىسىنى ئىقتىسادتىن، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن قىسىپ قويماي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماي، بەختلىك، ياخشى ياشاش ئۈچۈن تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەپ ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق قارىسىغىلا تىرىشقان بىلەن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى كۆتۈرگۈدەك كىرىمگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ. ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كۈيىگە كىرگەن ئادەم ئۆزىمۇ، ئائىلىسىمۇ بەختلىك بولالمايدۇ. شۇڭا ئىشلەشنى بىلىشمۇ مۇھىم ئىلىملارنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم يول تېپىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق يول ھۈنەردىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكىلەر بالىلىرىنىڭ جان بېقىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنى كارۋانلارغا قاتاتتى، ھۈنەرگە بېرەتتى، ئوقۇتاتتى، تۇرمۇشقا ئارىلاشتۇراتتى، سودا - سېتىققا ئارىلاشتۇراتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بالىلار بارا - بارا يېتىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزى مۇستەقىل يول تاپالايدىغان، تۇرمۇشنى قامدىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ چىقاتتى، بەلكىم بالىلار مەكتەپتە ئوقۇش بىلەنلا تۇرمۇشتا يول تاپالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ كېتىشى ناتايىن. نۇرغۇن بالىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، تۇماندا قالغاندەك قېلىپ، جەمئىيەتتە مۇستەقىل ئورۇنغا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. شۇڭا مەكتەپتە ئىلمىي - پەن بىلىملىرىنى ئوقۇتۇش بىلەن تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئوقۇتۇپ، تۇرمۇشقا پىشۇرۇشنى بىرلەشتۈرگەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولالايسىز.

بەت 426

مايىدىغانلىقىمىزنى بارا-بارا ھېس قىلماقتىمىز. «كاسىپ كىشى خۇدانىڭ دوستىدۇر» دېگەن ھېكمەت يادىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن.

كۇنلاردا «پۇلنى تاپماقتىن خەجلىمەك تەسى» دېگەن بىر ھېكمەت بار. شۇڭا بالىلاردا پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلساق، پۇلنى ئورۇنلۇق چىقىم قىلىشقىمۇ شۇنچىلىك كۈچەپ ئادەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر بالىلار بەتخەج بولۇپ ئۆگىنىپ قالسا، ئاخىرى باشقا بالا بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە تايىنىپ قويۇپ، بالىلىرىنىڭ ئورۇنسىز بۇزۇپ-چېچىشىغا يول قويىدۇ. بۇ ئەملىيەتتە بالىغا قىلىنغان ئاشكارا زىيانكەشلىك، ئۇ بالا شۇ بەتخەجلىكىنىڭ سورۇقىنى ھامان تارتىدۇ. كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىنمىغاندا، ئاخىرى موھتاجلىق ئازابىنى چېكىدىغان ئىش. موھتاجلىق كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر يۈك. ئادەم نەچچە يىل كۆرگەن راھەت-پاراغەت بىر كۈنلۈك موھتاجلىق ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس، ئادەم بەختنى مېھنەت ئىچىدە تاپسا ھەقىقىي بەختلىك بولالايدۇ. تۇرمۇشتا راھەت-پاراغەتنى ماددىي مەئىشەتتىن، مېھنەتسىز تۇرمۇش نېمەتلىرىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش بىر بەختسىزلىكتۇر. بىر ئائىلە بېشىغا كېلىدىغان ئەر ۋە ئايال تاپقان پۇلنى ئائىلىسى ئۈچۈن، ئائىلىنىڭ مۇھىم ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغاندا، ئۇ ئورۇنلۇق سەرپ قىلىنغان پۇل بولىدۇ. كوچا مەئىشەتلىرىگە، رېستورانغا، ھاراق-شارابقا، كەيىپ-ساپاغا، ھەشەم-دەبدىبىگە خەجلەنگەن پۇل ئىسراپخورلۇقتۇر. دىنىي ئەقىدىدە سەرپ قىلىنغان پۇلنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: «ئائىلىگە ئىشلىتىلگەن دىناردۇر» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن بالىلارنى ئىقتىسادچانلىققا ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ ئايان بولىدۇ.

ئادەم ھەر دائىم بىر خىللا ئۆتمەيدۇ. بەزىدە باي-باياشاتچىلىق ئىچىدە…

بەت 427

ده ئات چاپتۇرغان بولسا، بەزىدە مۇھتاجلىقتىن بېلى مۈكچىيىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋالنىڭ قايسىسىغا دۇچ كەلمىسۇن، بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇيغۇرلاردا «ئاچلىقتىن توقلۇق يامان» دېگەن بىر ھېكمەت بار. بۇنى تۇرمۇشتىكى باياشاتلىق بىلەن نامراتلىققا ھەم تەتبىق قىلىش مۇمكىن. بەزى ئادەملەرگە بايلىق ياراشمايدۇ. ئۇلار قولى ئازراق پۇل كۆرسىلا چەللىدە ئات چاپىدۇ، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ ئەلنى قاقشىتىدۇ، زومىگەرلىك قىلىدۇ. مۇنۇ ئايەت بەلكىم شۇنداق تۈزكۇر ئادەملەرگە چۈشكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى: «بىرەر شەھەر (ئەھالىسىنى) ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز. ئۇلار ئىتائەت قىلماي پىسقى - پاسات قىلىدۇ - دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز» ①. كۆپ ھاللاردا دۆلەتمەن ئادەملەر مال - دۇنياغا ئىشىنىپ يولدىن ئازىدۇ، ئاقىۋەتنى ئويلىمايدۇ. خۇددى ئۆچۈشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمىگەندەك، كېيىن ئۇ يامان ئەھۋالغا قالغاندا، ئۇنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. دېمەك، بۇ ئۇلارنىڭ مال - دۇنيانى كۆتۈرەلمىگەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى. بەزىلەر نامراتلىققا، مۇھتاجلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بەزىلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئادەم مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن نامراتلىققا چۈشۈپ قالغاندا، مۇھتاج بولغاندا، ئۇ ئۆتكەنلىدىن ئۆكۈنۈپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بەزىلەر ناھايىتى تېز چاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا، بۇنىڭغا دەرد تۆكىدۇ. ئەگەر شۇ دەردىنى ئاڭلىغۇچى دەردىڭگە دەرمان بولۇپ، ساڭا ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسەڭ دەردنى، سىرىڭنى

بەت 428

ئۇنىڭغا ئېيت، ئەگەر ئۇنىڭدىن ياردەم بولمىسا، زارلاش، قاقشاش، دەرد تۆكۈش بىلەن نېمىگە ئېرىشىسەن؟ دەردىنى ئۇستىگە دەرتنى يۈكلىمەسەن، بىرى، ئۇنىڭ ياردەم قولىنى سۇنماي ئىنسان ئىشەنچىنى يەرگە ئۇرغانلىقى، يەنە بىرى، كۆرەلمەسلەرنىڭ ئارقىدىن ھىجىيىپ كۈلۈشى. شۇڭا كونايلار بىزگە بىر ئەقىل ئۆگەتكەن «قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە» دەپ. شەيخ سەئىدە مۇنداق بىر ھېكمەتلىك ھېكايىنى بېرىدۇ: «بىر سودىگەر مىڭ دىنار زىيان تارتىپتۇ. ئوغلىغا: ھېچكىمگە دەپ تاشلىما! دېدى. ئوغلى: ئاتا! سېنىڭ دېگىنىڭچە بولسۇن، ئېيتماي، لېكىن بۇنىڭ نېمە پايدىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭچۇ، دەپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا: خاپىلىق ئىككى بولۇپ قالمىسۇن؛ بىرى، سەرمايەڭنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكى، يەنە بىرى، ھەسەتخور قوشنىلارنىڭ ئىچى يامانلىق بىلەن خۇشال بولۇشى»①. يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزەرىدە تۇتقان ئىش مانا شۇنداق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىغان ھەقىقەت ئىدى. بۇ مەنىدىن مەن بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا پۇختا بولۇشقا ئۆگىتىش يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى.

تۆتىنچى، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ياخشى قوشنىلارغا قوشنا بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئادەم يەككە - يېگانە ئۆتەلمەيدۇ، بۇ دۇنيا دوست - بۇرادەرلەر، ئۇرۇق - توغقانلار، قوشنىلار بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تاپىدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى ئۇلارسىز بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. تۇغقان سۈرۈشتۈرۈشكە قاراق، قوشنىلارنى توغقانلاردىن ئەزىز بىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا «يىراقتىكى توغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەن گەپ بار. چۈنكى ھاجەت چۈشكەندە يىراقتىكى تۇغقان ئەمەس، يېقىندىكى قوشنا ئەسقاتىدۇ. قوشنىلارنىڭ مېھرى چوققۇر بولىدۇ. ئۇلارنى قەدىر[Footer] ① «گۈلىستان»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 190-بەت. 420

بەت 429

لەش، قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە بەرگەن تەربىيىسىدە قوشنىدارچىلىق مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈيدۇ. «ئۆي سالماقچى بولساڭ چوڭ يول بويلىرىغا، تاشقىن بولىدىغان دەريا بويلىرىغا ئۆي سالما، بەگلەر بىلەن قوشنا بولما، ساراي - قەسىرگە يېقىن تۇرما، بۇلاردىن ھەرگىز پايدا كۆرەلمەيسەن. زىيان كەلسە ھېچقانداق چارە قىلالمايسەن. ئۆي سالماقچى ياكى ئۆي ئالماقچى بولساڭ قوشنا بولىدىغان ئادەمگە قارا، بەرتالماقچى بولساڭ سۈيىنى ئارا، يامانغا قوشۇلمىساڭ ساق - سالامەت بولىسەن. خۇي - پەيلىڭنى دۇرۇس قىلساڭ، قاناتلىق تۇلپاردەك جەۋلان قىلىسەن. بارغا قانائەت قىلساڭ بەگدەك ياشايسەن، شۇڭا غەم - قايغۇنى ئاز قىلىپ، ئۆزۈڭنى خۇشال تۇت.»

ئۆي دېگەننى بۈگۈن سېلىپ، كۆڭۈلگە ياقمىسا ئەتىسى كۆچۈپ كېتىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلار مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇشقا قەدەم قويغان نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئاتا - بوۋىسىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىك، مورىدىن تۈتۈننى ئۈكسۈتمەسلىك ئۈچۈن نەچچە ئەۋلاد بىر ئۆيدە ياشاپ كەلدى. كونىراپ كەتسە يېڭىلىدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە ئەۋلاد قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئۆينىڭ بالدۇر بۇزۇلۇپ، خانىۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار چوڭ يول بويىغا، تاشقىن بولىدىغان دەريا بويلىرىغا ئۆي سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشقان. يەنە بىرى، ساراي - قەسىرگە، بەگلەرگە قوشنا بولۇشتىن ئۆزىنى تارتىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇلغان. چۈنكى ئۇ يەردە خاتىرجەملىك، ئاراملىق بولمايدۇ. يەنە بىرى، بەگلەر بىلەن دوستانىلارچە قوشنا بولۇش ئوڭاي ئەمەس. بەگلەر ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنى كەمسىتىپ، يوغانسىلىق قىلسا كۆڭۈل ئارامىدا بولمايدۇ. بالىلارمۇ بەگلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن چىقىشال[Footer] 421

بەت 430

مايدۇ. نەتىجىدە تۇرۇش - جېدەل قورۇمايدۇ. شۇڭا پەزىلەتلىك، ئۆزى بىلەن يارىشىپ ئۆتەلەيدىغان ئادەملەر بىلەن قوشنا بولۇشقا دەۋەت قىلىنغان. خاتىرجەم، تىنچ ياشاي دېگەن ئادەم ياخشى قوشنا بولۇش، ياخشىلار بىلەن قوشنا بولۇشقا ئىنتىلىشكە دەۋەت قىلىنغان. قوشنىلار بىلەن يارىشىپ ياخشى ئۆتۈش دىنىي ئەقىدىدىمۇ ياخشى پەزىلەتلىك، ساۋابلىق ئىشلاردىن سانالغان. ياخشى قوشنا جەننەتكە كىرىدۇ، يامان قوشنا دوزاخقا دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. «قايسى بىرىڭلارنىڭ يامانلىقى ۋە ئازار بېرىشىدىن قوشنىسى ئارام تاپالمىغان بولسا ئۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ» ① يەنە بىر رىۋايەتتە بىر كىشى رەسۇلۇللادىن: «ئى رەسۇلۇللا، پالانچى خوتۇن كېچىلىرى تۇرۇپ ئىبادەت قىلىدۇ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتىدۇ، كىشىلەرگە خەير - ئېھسان ۋە باشقا ياخشىلىقلارنى قىلىدۇ، بىراق يامان تىل بىلەن قوشنىسىغا ئازار بېرىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللا: «ئۇ خوتۇنغا ياخشىلىق يوق، ئۇ دوزاخ ئەھلىدۇر» دېگەن. ئۇلار يەنە: «پالانچى خوتۇن پەرز نامازنى ئوقۇيدۇ. كونا كىيىم - كېچەكلەرنى سەدىقە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچ كىشىگە ئازار بەرمەيدۇ» دېگەندە، رەسۇلۇللا: «ئۇ خوتۇن جەننەت ئەھلىدۇر» دېگەن ② بۇنىڭدىن قوشنىدارچىلىق ھەققىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. رەسۇلۇللا يەنە يامان قوشنىلارنىڭ كىشىلەرگە كەلتۈرىدىغان كۈلپىتىدىن ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا: «ئى ئاللا، مەن ياشايدىغان يەردىكى يامان قوشنىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ بېرىشىڭنى تىلەيمەن. پانىي دۇنيادىكى قوشنىنىڭ يامانلىقىدىن پەقەت كۆچۈپ كېتىپلا قۇتۇلۇش مۇم[Footer] ① بۇخارى رىۋايەت قىلغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى نەشر قىلغان «ئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. ② بۇخارى رىۋايەت قىلغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى نەشر قىلغان «ئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. ③ بۇخارى رىۋايەت قىلغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى نەشر قىلغان «ئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. 422

بەت 431

كەن»③ دېگەن. دېمەك، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى قائىدە - يوسۇنلارغا ئەمەل قىلىش، قوشنىلار ئۈستىدىن پىتنە - پاسات تارقاتماسلىق، يامان گېپىنى قىلماسلىق، ياخشى ئىشلىرى بولسا دېيىش، ئاداۋەت تۇتماسلىق، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش، بالا چاقىلىرىغا يامان كۆز، يامان نىيەتتە بولماسلىق، ئۆزارا سوغۇق سالام بېرىشىپ مۇھەببەتنى ئاشۇرۇش، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق (قوشنىلار بىر - بىرىگە ئامانەتتۇر)، مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى قوشنىدارچىلىق ھەققىدىن ئۈستۈن قويۇۋالماسلىق قاتارلىق پەزىلەت تەلەپلىرىگە رىئايە قىلىنغاندا، ئۆزىمۇ خاتىرجەملىك تاپىدۇ، قوشنىلارمۇ رازى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەسىرگە ئۇچرىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشلىرى كېرەك. ①

بەشىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە رول ئوينايدىغان يەنە مۇنداق بىر قانچە قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. (1) «بارغا قانائەت قىلساڭ بەختلىك ياشايسەن». ئادەمنى نۇرغۇن ئويغا ۋە كويغا سالىدىغان ئىش قانائەتسىزلىك. مانا شۇ قانائەتسىزلىك ئادەمنى ئەسكە، رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بىراق قانائەتسىز ئادەمگە پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىقىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر يىللىق بايلىقى بولسا، يەنە بىر يىلغا مېلى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭ كۆزىنى گۆر توپىسىدىن باشقا نەرسە تويدۇرالمايدۇ. شۇڭا قانائەت ئەڭ چوڭ بايلىق. پۇل، مالنىڭ كۆپ بولۇشى بايلىق ئەمەس. ئەڭ چوڭ بايلىق كۆڭۈل بايلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى تەۋسىيەلىرى ئەڭ ياخشى نەسىھەتتۇر. (2) «ئۆلۈمنى ئۇنۇتمىساڭ سەگەك بولىسەن». ئادەمنى غەپلەتكە قويىدىغان، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك مال - دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرۇيدىغان،


① بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي قاراشنى باشقا بىر كىتابتا يازغانلىقىم ئۈچۈن گەپنى قىسقارتتىم.

بەت 432

قائانەت قىلمايدىغان ئىش مانا شۇ ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن بولىدۇ. ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا سەگەك بولىدۇ، يامان نام بىلەن لەنەتكە قالىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ياخشى نام قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. (3) «ئېھتىيات بىلەن سۆزلىسەڭ ئەلەم كۆرمەيسەن». كۆڭۈللەردە ئادەمنى تىل شىۋىرى ئۆلتۈرىدۇ دېگەن گەپ بار. ئورۇنلۇق سۆز سۆدەك كىشىلەرگە مەنىپەئەت يەتكۈزسە، يامان سۆز ئۆتتەك ئادەمنى كۈل قىلىشقا يارايدۇ. نۇرغۇن ئەللەرنى تىلى تىرىك يەرگە كۆمگەن. شۇڭا يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە، پىتنە - پاساتقا، تۆھمەتكە يېقىن بولماسلىق كېرەك. (4) «ھايانىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمىسەڭ پۇشايمان يېمەيسەن». (5) ياخشى ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن قارنى كۆكسۈڭنى كەڭ تۇت، سەخىي بول (6) نامىڭ ئەل ئارىسىدا تارقالسۇن دېسەڭ مۇساپىرلارنى ياخشى كۈت (7) يەنە باشقا ياخشىلىقلارغا ئېرىشمەكچى بولساڭ ھاۋايى - ھەۋەسنى تاشلاپ، نەپسىڭگە يول بەرمە. نەپسىڭنىڭ تەقەززاسىغا يۈگەن سال. ئەگەر مەيلىڭگە قويۇۋەتسەڭ بېشىڭنى يەيدۇ، روزىغارىڭنى توپانغا غەرق قىلىدۇ، نەپسىڭگە ئەركىنلىك بەرسەڭ، سېنى قۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭغا قاتتىق بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلالىساڭ ئاندىن ساڭا بويۇن سۇنىدۇ. ئەي تەقۋادار ئوغۇل يۇقىرىقى تەۋسىيەلەرنى ھاياتىڭنىڭ مىزانى قىل!

ئىقتىدارى بار ئادەملەرمۇ، ئالىملارمۇ تۇرمۇشتا ئاجىز كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، بىز تۇرمۇشتىن نۇرغۇن ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا، ئائىلە باشقۇرۇشتا، پەرزەنت تەربىيەلىنىشتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. يەنە بىر قىسىم ئاددىي كىشىلەرنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل ئائىلە باشقۇرۇش سەنئىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. قارىغاندا بۇ ئالاھىدە بىر خىل سەنئەت بولسا كېرەك. ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئائىلىدە بەختسىز بولۇپ قېلىشىنى، تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىشىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ يارامسىز بولۇپ قېلىشىنى

بەت 433

خالمايدىغانلىقى بىزگە ئايان. لېكىن تۇرمۇش ھەرگىزمۇ شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۈيىدەك جىمجىت ۋە بىر خىللا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ دولقۇنلۇق، قىيانلىق بولۇشى مۇمكىن، تۇرمۇشتا ئىككى ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئىككى خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاقلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن، قارىمۇ قارشىلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، كۆپ تەرەپتە بىرلىككە كېلىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى توختالغان، سەۋرلىك، يىراقنى ئويلىيالايدىغان بىر خىل قابىلىيەت بولۇشى كېرەك، يەنە بىر جەھەتتىن قورساقنى كەڭرەك تۇتۇش لازىم بولىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ھازىر ئاجرىشىش، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇشى ئاپەتلىك بىر ئىشقا ئايلاندى. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ بىر تەرەپتىن بالىلاردا ئۆي تۇتۇشقا نىسبەتەن تولۇق تەييارلىق يوق، ئۇلار توي قىلىشنى ئويۇن ئورنىدىكى ئىش دەپ قاراشاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مەسئۇلىيەت يوق. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلاردا تېخى ئۆي باشقۇرۇش، ئۆينى سۆرەپ مېڭىش ئىقتىدارى يېتىلمەيۋاتىدۇ. يەنە بىر سەۋەب شۇكى، بۇزۇلۇشمۇ، ناپاكلىقمۇ مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۆنۈك ئۆستەڭ ياشلاردا ھازىر قائىدە - يوسۇنغا تازا ئېتىبار بەرمەيدىغان بىر خىل ياۋايىلىق شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە قائىدە - يوسۇن بىر ئائىلىنىڭ مۇھىم ئومۇرتقىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى مىللەتنىڭ ئومۇرتقىسى ئىدى. قائىدە - يوسۇنسىز مىللەت يىقىلمايدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ، قائىدە - يوسۇنغا ئەھمىيەت بەرمىگەن مىللەتنىڭ قۇيرۇقىنى قۇتايلا قۇم باسىدۇ. بىز بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇق، ياكى بىلسەكمۇ خۇپسەن، گاس بولۇۋېلىپ بارامدۇق، مەن بۇ خۇسۇستا «قائىدە - يوسۇنسىز مىللەت يىقىلمايدۇ» دېگەن كىتابىمدا تەپسىلىي توختالماقچى. بىراق بىرەر كىتابنىڭ، بىرەر يۈز كىتابنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئائىلە بوھرانىنى توسۇپ قېلىش

425

بەت 434

مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئاتا - ئانا، ھەربىر ئائىلە ئۆزىگە، ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشنى بىلسە ئىدى، نۇرغۇن ئىشلار ئوڭايغا چۈشەتتى. ئەگەر ئايالغا، ئايالى ئېرىگە مەسئۇل بولمىسا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا مەسئۇل بولمىسا، ھەربىر ئادەم ئۆزىگە مەسئۇل بولمىسا بىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكار بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەربىر ئادەمنىڭ ياشاش ھوقۇقى بولغانغا ئوخشاشلا، مىللەتنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسىگە مەسئۇل بولۇش قەرزى بار، بۇ قەرز تولىمۇ قىممەتلىك ۋە مۇقەددەستۇر.

126

بەت 435

ئون تۆتىنچى باب: پەرزەنتلەرنىڭ دۇنيادىن بەھرىلىنىش ھوقۇقىنى قولغا بېرىلى

بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ئادەم بەھرىمەنلىك ھوقۇقى بىلەن تۇغۇلىدۇ. دۇنيانىڭ ئېتىكى ئىنسانلارنىڭ بەھرىمەنلىك ئېتىمىزىدۇر. ئىسلام ئەقىدىسىدىمۇ: «بۇ دۇنيانىڭ بارلىق نېمەتلىرىنى سىلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ياراتتىم» دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىق بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرى بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاق يارىتىلغان. بايلارغا كۆپ، نامراتلارغا ئاز، ھۆكۈمرانلارغا كۆپرەك، مەھكۇملارغا ئازراق تەقسىم قىلىنغان ئەمەس. بىراق بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر پەرق بار. ئادەملەرنىڭ ھاياتتىكى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىدىكى پەرق ھەرگىزمۇ ئەزەلىي تەقسىماتتىكى پەرق ئەمەس. بەلكى ئۇنى كىشىلىك جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي پەرق. بۇنىڭ يېشىمىنى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى «قۇرئان كەرىم» دە «كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقى نەسەبى ئەمەس، بەلكى تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ھەقىقەتنى ئۇلۇغ ئىسلام ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار، بۇ پەرق پەقەت ئىلىم - ھېكمەت بىلەن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا چۈشەندۈرۈش يوق» دېگەن.

قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلارغا رودپايىدەك چاپلاشقان بىر ئازغۇن

427

بەت 436

ئەقىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ، بۇ دۇنيادىكى ياخشىلىق، يامانلىق، بايلىق ۋە كەمبەغەللىك، ھۆكۈمرانلىق ۋە مەھكۇملۇقنىڭ ھەممىسى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەسلى تەقسىماتتا بېكىتىلگەن نەرسە، ئۇنى بەندىنىڭ ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ، ھاياتتىكى بارلىق مەھرۇملۇقلارنى قارىغۇ تەقدىرنىڭ شەكىلسىز تۈشۈنىسىگە ئارتىپ قويدى. بۇ خىل خاتا تەرغىبات تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە نۇرغۇن ئاجىز كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى قاماللاپ، ھاياتقا بولغان ئىنتىلىش قەدىمىگە كىشەن بولۇپ كەلمەكتە. بۇ خىل زەھەر ئاڭنى ئالدى بىلەن بارلىق ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىۋېتىشى ھەمدە پەرزەنتلىرىنىڭ روھىغا شۇنداق چۈشكۈن خەتەرلىك ئاڭنىڭ سىڭىپ قېلىشىدىن قەتئىي ھەزەر قىلىشى كېرەك.

11 - ئەسىردىكى ئائىلە مائارىپىدا ئۇيغۇرلار پەرزەنتلەرگە بېرىلىدىغان تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئىگە بولغان ئىدى. بۇ ئالتۇن ئاچقۇچ ئۆز - ئۆزىنىلا ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق بىر دەۋرنىڭ قولىغا بېمالال چۈشىدۇ:

224 جاھان تۇتماق ئۈچۈن ئەرك ئاڭ كېرەك، ئەل - يۇرتنى سوراشقا بىلىم ئەڭ كېرەك.

225 بۇ ئىككى بىرىكسە بولۇر ئەرك تولۇق، تولۇق ئەرك جاھان نېمەتتىن يەر تولۇق.

يۇقىرىقى ھېكمەت ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئىخچام شەكىلدە يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەقىقەتنى ھەربىر ئائىلە ئالتۇن ھەل بىلەن لەۋھەگە يېزىپ ئائىلىسى، پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن ئەڭگۈشتەر قىلسا ھەرقاچان ئۇلارغا مەنىۋى كۈ[Footer] 428

بەت 437

زوق بولىدۇ. ھاياتتىكى بەھرىمەنلىك ھوقۇقى، بەختلىك بولۇش ھوقۇقى، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە ۋە چاقىرىق بولىدۇ.

مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ توپ مەقسىتىمۇ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ توپ مەقسىتىمۇ پەرزەنتلەر ئۆزىنىڭ نېنىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان، تولۇق ئادەم بولۇپ، نېنىنى پۈتۈن قىلالايدىغان بولسۇن، دېگەن ئارزۇدۇر. ئون يىللاپ مەكتەپتە، مەكتەپلەردە جاپالىق ئوقۇشتىكى مەقسەت يالغۇز بىلىم ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى مانا شۇ ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشتۇر. ھېچقانداق بىر ئادەم بۇ دۇنيادا موھتاجلىق ۋە خارلىقتا، ئاجىزسىز، نادانلىقتا ياشاپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتىنىڭ يارامسىز، ئىقتىدارسىز، بىر نانغا زار بولۇپ بويۇن قىسىپ ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ نادانلىق، ئاجىزلىق، موھتاجلىق ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قېلىپ، بۇ دۇنيانىڭ قىلچىلىكمۇ ھالاۋىتىنى كۆرمەي ئۆتۈۋاتقان كىشىلەر ئازمۇ، شۇلارنىڭمۇ بۇ بەختسىزلىكتىن قۇتۇلغۇسى، باشقىلاردەك تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگۈسى بار، ئامال قانچە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا چۆچەكتىكى چۆپىنى يەپ، نامازلىرىدا غايىبتىن بىر تۈگىمەس خەزىنىنىڭ نېسىپ بولۇشىنى تەمەننا ياشاۋاتسا، ئەمەلىيەتتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر دۇئاگوينىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ تىلىگەن رىزقى تەلەپپى ئۈچۈن پۈچەك يارماق ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى بۇ ئەسلىي يارالمىش ئىرا دېگە، ئەسلىي يارالمىش قانۇنىيەتكە خىلاپ ئىش تۇتقانلىقى ئۈچۈن بارا-بارا موھتاجلىق ئازگىلىغا بويىنىغىچە پاتقان. بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىبرەتلىك ھېكايىلەرمۇ بار. ھاياتتا سەۋەبسىز ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيەتنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز، سەۋەبسىز

429

بەت 438

دۇئاگويلۇققا بېرىلىپ ئازغانلىقىمىزنى تەن ئالمايمىز. «سەۋەب قىلساق سۈپەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن ئۇلۇغ ھېكمەتلىرىنى يەكلەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايمىز.

11 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ دانىشمەن ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلە تەربىيىسىدە پەرزەنتلەرگە دۇنيا نېمەتلىرىدىن قانداق قىلغاندا ياخشى بەھرىمەن بولۇپ، بەختلىك ياشاش ھوقۇقىنى قولغا ئالغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىدە بىزگە ئاجايىپ قىممەتلىك تەلىم - تەربىيە ئۈلگىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەپسۇسكى، جاھالەتكە ئەسىر بولغان 800 يىللىق قاباھەت ئىسكەنجىسىدە بۇ ئۇلۇغ ئۇستازنىڭ قىممەتلىك تەۋەررۈكلىرىدىن خەۋەرسىز قالدۇق. شۇنچە قىممەتلىك ئەنئەنىمىزدىن شۇنداق يىراقلاپ كەتكەن ئىدۇقكى، روھىمىز تەن قەپىسىمىزدىن چىقىپ كېتىپ، قۇرۇق ئىسكىلىت بولۇپ قالغان تىرىك جەسەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدۇق. بۇ خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەسۋىر قىلغان:

157 بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر.

پاجىئەسىنىڭ رېئال ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىچۇ، قانۇنىيەت ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ، ئەسلى يارىتىلىش ئىرا دە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ. ياق! ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى ئۆتمۈشتە بولسۇن، بۈگۈن بولسۇن، كەلگۈسىدە بولسۇن، ۋەتىنىمىزدە بولسۇن، چەت ئەللەردە بولسۇن ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ يەردە كېلىپ چىقۇۋاتقان پەرق بەزىلەر قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ ياشاۋاتقان بولسا، بەزىلەر يەنىلا قانۇنىيەتكە خىلاپ ئىش تۇتۇپ، ئۆزىگە - ئۆزى زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ. بۇرۇنمۇ، بۈگۈنمۇ شۇنداقلا قەدىمكىلەرنىڭ ۋە بۈگۈنكى ئالىملارنىڭ بۇ دۇنيانىڭ بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنىڭ ئىقتىدار ئىگىلىرىدە، يۇقىرى ساپالىق ئەلنىڭ قولىدا

بەت 439

بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئوخشاش، پەرقى ئىبارىلىرى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، «ساۋاتسىز ئەلدە سوتسىيالىزم قۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن لېنىننىڭ ھۆكۈمى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ئەقىلسىز، بىلىمسىز ئەلدە جاھاننى تۇتۇپ تۇرغىلى، ناننى پۈتۈن قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمى ئوتتۇرىسىدا قانداق ماھىيەتلىك پەرق بار. ماھىيەتلىك پەرق يوق، ئوخشاشلا بىر قانۇنىيەتنىڭ ئوخشىمىغان ئىبارىلەردە ئىپادىلىنىشى خالاس.

ئائىلە مائارىپى ئۆل مائارىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋۋال ئاتا-ئانىلار ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئەقىللىق تونۇشقا ئىگە بولماي تۇرۇپ، پەرزەنتلەرگە ياخشى تەلىم-تەربىيە ئۇستازى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار دانىشمەن بوۋىلىرىمىزنىڭ تەلىم-تەربىيە مىراسلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشى، ئۆزىدىكى قاتمال، قالاق، زەئىپ ئاڭنى ئىككىلەنمەستىن سىقىپ چىقىرىپ، ئىلغار ئاڭ ۋە ئىلغار دۇنيا قاراش بىلەن قوراللىنىشقا تىرىشىشى كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇرچى. ئاتا-ئانا يارامسىز بولسا، ئۇنىڭدىن قانداقمۇ ياراملىق پەرزەنت تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ. ئۇرۇق قانداق بولسا مېۋىسى شۇنداق بولىدىغانلىقى قانۇنىيەتتۇ.

ئەسكى تۆمۈردىن ياسالمايدۇ كېسى ئۆتكۈر قىلىچ، رەزىل ئادەم تەربىيىدە، ئەي ھېكىم بولماس ئىنسان. گەرچە يامغۇر ياخشىلىقتا ھەممىگە ئوخشاش، بىراق، باغدا لالە ئۆسىدۇ، شورلۇقتا يانتاق ھەر قاچان. ①

بۇ شېئىردا ئېلىنغان باغنى ساپالىق، مەسئۇلىيەتلىك ئائىلە دېسەك، شورلۇقنى ئەقىلسىز، ئاقاۋ، مەدەنىيەتسىز، مەسئۇلىيەتسىز ئائىلە دېيىشكە بولىدۇ.

① شەيخ سەئدى «گۈلىستان» دېگەن كىتابىدا كەلتۈرگەن شېئىر. مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى نەشرى. 431

بەت 440

سىز ئائىلىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. شۇڭا پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىز بولۇپ قېلىشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپرەكىنى ئاتا - ئانىلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. بىر سىنىپتىكى 40 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، پەزىلىتى 40 خىل بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوخشاش ئوقۇتقۇچىدىن تەربىيە قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە شارائىتى ئوخشاش ئەمەس. 40 ئوقۇغۇچىنى 40 جۈپ ئاتا- ئانا تۇغۇپ ئۆستۈرگەن. ئۇ بالىلارنىڭ تەبىئىتىگە ئاتا - ئانىسىنىڭ تەبىئىتى مىراس قالمامدۇ؟ بۇ قانۇنىيەتكىمۇ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەم مىللىتىمىزنىڭ ئاتىسى ۋە بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرىنى ھەم مەسئۇلىيەتلىك، ئۇلۇغ دادا سۈپىتىدە پەرزەنتىگە بېرىۋاتقان تەلىم - تەربىيە سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئاتىسى ۋە ئۇستازى سۈپىتىدە ئەۋلادلارغا تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار، ئەڭ ئىلمىي ئۈلگىسىنى قالدۇرىدۇ. بۇ ئۈلگىلەرنى ھازىرقى دەۋردىمۇ ئەستايىدىل، تولۇق، ئۆزۈل - كېسىل ئائىلە تەربىيىسى ئۈچۈن قانۇنىي مىزان قىلالىساقلا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ «ياندىكى كېپەننىڭ قەدرى يوق»، «ياندىكى موللام جامائەت، يىراقتىكى موللام داموللام» دېگەندەك، ئۆزىمىزدە شۇنچە ئۇلۇغۋار، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي پەرزەنت تەربىيىلەش ئەنئەنىمىز تۇرغان يەردە، ھەرگىزمۇ چەت ئەللەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىغۇلارچە چوقۇنماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. چەت ئەللەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، قىممەت قارىشى، ئۆرپ - ئادىتى بىزنىڭكى بىلەن ئاسمان - زېمىن پەرق قىلىدۇ. بىزگە قول يەتمەيدىغان شاپتۇل ئاچچىق بولىدىغان، بىراق ھازىر ئۆزىمىزگە قەتئىي ماس كەلمىسىمۇ، ھېلى ئۇ تامغا، ھېلى بۇ تامغا ئۆسىدىغان يامان

بەت 441

بىر خاھىش باش كۆتۈردى. نەتىجىدە تۇتامغا چىققۇدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتىمىز. ئەسلىدە ئۆزىمىزدە بار بولغان ئىلغار ئۆرنەكلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساقلا خېلى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلىگەن بولاتتۇق. بىردەم ئۇ شاخقا، بىر دەم بۇ شاخقا ئېسىلىش، بىردەم ئۇ قۇتۇپقا، بىردەم بۇ قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش خۇددى چۆلدە تېنىپ قالغان ئادەمدىن نېمە پەرقى. «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ» دېگەندەك، ھازىر كىشىلەر يەنىلا ئۆزىمىزدە بار بولغان قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بارا-بارا تونۇپ يەتمەكتە. يەنىلا ئوقۇر ئىزدەپ يۈرۈۋەرسەك ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇرىنىمۇ تاپالمايدىغان ئەھۋالغا قالىدىغانلىقىمىزدىن ئەنسىرىمەكتە.

بىز يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك دەۋر ئۆزگەرگىنى بىلەن قانۇنىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. تۇرمۇش ئۇسلۇبلىرى زامانىۋىلاشقان بىلەن ئائىلە مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرىمەن دەپ ئازغۇن يولغا كىرسەك بولمايدۇ. پەرزەنت تەربىيىسىمۇ قانۇنىيەتلىك سەنئەت، ئۇ قەدىمدىمۇ شۇنداق بۈيۈك زاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغان، بۈگۈنمۇ شۇنداق بۈيۈك زاتلارنى تەربىيىلەپ چىقىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. گەپ مانا شۇ قانۇنىيەتنى بايقاپ، ئىلمىي قانۇنىيەت بويىچە پەرزەنت تەربىيىلەشتە.

11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى دۇنياغا مەشھۇر ئۇلۇغ ئالىم، سىياسىئون ۋە سەركەردىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئالتۇن بوشۈك بولغان ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ شۇنداق خاراكتېرلىك، مەسئۇلىيەتچان، ئەقىللىق، پاراسەتلىك بولۇپ تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىشىدا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ نىشانلىق تۆھپىسى بار ئىدى. بىزگە مەلۇم بولغان تەلىم-تەربىيە ئۈلگىلىرىدىن قارىغاندا، ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن مەسئۇلىيەتلىك ئىدى. ئۇلار پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشنى تەڭرىنىڭ، دۆلەتنىڭ، ئەلنىڭ ئالدىدا ئۆتەش كېرەكلىك مۇقەددەس بۇرچ دەپ

بەت 442

بىلەتتى. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق بىر ئۆرنەكنى مىراس قالدۇرغان: «ئەي ئوغۇل مەندىن ئۆگۈت - نەسىھەت ئال، پەزىلەتلىك بول، ئەل ئارىسىدا ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ بىلىمىڭنى تارقات». بۇ مەھمۇد قەشقەرىگە دادىسىدىن قالغان، دادىسىغا بوۋىسىدىن قالغان تەۋسىيە ئىدى. بۇ نەسىھەت پەرزەنت تەربىيىسىدە تەلەپ قىلىنىدىغان ئومۇمىي تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قالدۇرىدىغان پەزىلەت تەربىيىسى بىلەن ئىلىم - مەرىپەتلىك بولۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشتىن باشقا يەنە قانداق مىراس قىلىشى مۇمكىن. «قۇتادغۇبىلىك» تە ئاتا - ئانا تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنىڭ خاسىيىتىنى مۇنداق بايان قىلغان ئىدى:

186 سۆزۈمنى دېدىم مەن بالامغا، باتۇر، مېنىڭدىن تۆۋەن ئۇ، تېچۈك تەڭ بولۇر؟

187 ئەي، ئوغلۇم دېدىم مەن ساڭا بۇ سۆزۈم، ساڭا بۇ نەسىھەتمنى بەردىم ئۆزۈم.

188 كۈمۈش قالسا ئالتۇن مېنىڭدىن ساڭا، ئۇنى تۇتمىغىن سەن بۇ سۆزگە تەڭا.

189 كۈمۈشنى ئىشلەتسە، تۈگەر، يوقىلۇر، سۆزۈمنى ئىشلەتسە، كۈمۈش قازىلۇر.

190 كىشىدىن كىشىگە مىراس سۆز قالۇر، مىراس سۆزنى تۇتساڭ يۈز پايدا بولۇر.

مانا بۇ ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن بىلىپ يەتكەن ئائىلە تەربىيىسى.

بەت 443

نىك خاسىيىتى. شۇنداق، ھەممە نەرسىگە زاۋاللىق يېتىدۇ، لېكىن ئەقىل-پاراسەتتىن تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارى مەڭگۈ يىقىلمايدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى ئوزۇن ئەسىرلىك ئەگرى-توقاي مۇساپىسىدە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەنئەنىسىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ 13-ئەسىردىن كېيىنكى تەلىم-تەربىيە ئەنئەنىسىدە بىزگە ئۈلگە بولالغۇدەك، پەخىرلىنەرلىك ئۇلۇغ ئۆلگىلەرنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىگە بىز ئىقرار. ئىدىيە جەھەتتە چۈشكۈنلىشىش، ئەقىدە-ئېتىقادى غەيرىلىككە بۇرۇلۇپ، مىللەتنىڭ روھىي جەھەتتىكى زاۋاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ دەۋردىكى ئىدېئولوگىيە تەرەققىياتقا، گۈللىنىشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇنەۋۋەر دۇنيا قاراش بولماستىن، بەلكى كىشىلەرنى بىخۇدلاشتۇرىدىغان، ھاياتلىق قانۇنىيىتىدىن چەتلىشتۈرىدىغان، تەركىدۇنيالىققا، خارلىققا، زاۋاللىققا سايە قىلىدىغان ئىدېئولوگىيە ئۈستۈنلۈك قازاندى. بۇنداق زەئىپ ئالەمچە ئەسىر داۋاملاشتى، بۇ خىل زەئىپ روھ ئائىلىلەرگىچە چۆكۈر تەسىر كۆرسىتىپ، نەچچە ئەۋلاد يارماس ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى تېزلەتتى. گەرچە بۇ دەۋرلەردە بىر قىسىم ئويغاق ئالىملار يېتىشىپ چىقىپ، بەزى ئىلغار پىكىرلىك ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر تەرەپتىن ئاھالىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ساۋاتسىز بولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق بىلەن زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدا تىل ئورتاقلىقى بۇزۇلغاچقا (بۇ يەردە نەزەردە تۇتقىنىمىز ئاتالمىش چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان ئۆز دەۋردىكى ئەدەبىي تىل كلاسسىك ئەدەبىيات تىلى بولۇپ، خەلق تىلىدىن خېلىلا يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدى)، ئۇ ئەسەرلەر خەلقىمىز ئارىسىدا ئۈنۈملۈك رول ئويناش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئەسەرلەر پەقەت بىر نۇسخا ياكى ئىككى نۇسخا كۆپەيتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئەسەرلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. ئىقتىساد جەھەتتىكى ئېغىر موھتاجلىق خەلقنىڭ

435

بەت 444

بېلىنى پۈكلىۋەتتى، يېلىكىنى قۇرۇتۇۋەتتى. ئومۇمىي خەلق مىللەت سۈپىتىدە ئاڭسىز قېلىش نەتىجىسىدە، جىسمانىي جەھەتتىمۇ، روھىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق ئېغىر قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقنى پەرەزەنتلىرى ياخشى تەربىيىلىمىدۇق دەپ ئەيىبكە بۇيرۇشمۇ بولمايتتى. ئۇلار شۇنداق خاراب ھالەتتە ئەپلەپ-سەپلەپ جېنىنى جان ئېتىشنىڭ ئۆزىلا چوڭ ئۇتۇق ئىدى.

قاراخانىيلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە ساپاسى قاراخانىيلاردىن كېيىنكى ھەرقانداق بىر تارىخىي دەۋردىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىغان. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مىللىي ساپا سېلىشتۇرمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ساپاسى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ مىللىي ساپاسى ۋە مەدەنىيىتىدىن قېلىشمايتتى. مىللەتنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەتلىك ئائىلە تۈزۈمىگە كىرەلەيتتى. چۈنكى بۇ دەۋرلەردە بىر قىممەت قارىشى ھۆكۈمران ئىدى. نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەزىزلىنەتتى. ئۇستىلارنىڭ قولىدىن مىڭلىغان شاگىرتلار يېتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تايانچ كۈچىگە ئايلانغان ئىدى.

قاراخانىيلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەر روھىي ھاياتى كۈچىنى يوقىتىپ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىدا تولىمۇ چۈشكۈن ۋەزىيەت ئىزچىل نەچچە ئەسىر داۋاملاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا شاگىرت بولۇشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغان نۇرغۇن ئەللەر پەن-تېخنىكا جەھەتتە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن بولسا، ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۇرمۇش شەكىلىنى ساقلاپ قويۇشتا تۇرسۇن، بەلكى ئىبتىدائىي تۇرمۇش شەكىلگە قايتقاندەك تولىمۇ زەھىپ ھالغا چۈشۈپ قالدى. غەرب دۇنياسىدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ

بەت 445

تەرەققىياتى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولۇپ رول ئويناپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرى ۋە سانائەتلىشىش ئىنقىلابىنى كۈتۈۋېلىشتەك ئۇلۇغ تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ، ئۆز دەۋرىدە ئۇلارغا ئۇستاز بولغان بىر مۇنەۋۋەر مىللەت ئۇلارغا شاگىرت بولۇشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق، بەلكىم بۇ تارىخنىڭ مەسخىرىسىدۇر.

شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىدەك مىڭلىغان ئۇلۇغ ئىنسانلارنى تەربىيىلەپ چىققان قارىخانىيلارنىڭ ئائىلە مائارىپىدىن ئىپتىخارلىنىمىز ۋە ئۇنى سېغىنىمىز. بىزگە ئۆز دەۋرىدىكى تەلىم-تەربىيىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك بولغان قانۇنىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ يەتكۈزۈپ بەرگەن «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپ بولۇش، ئۇنى ھازىرقى دەۋردىكى ئائىلە مائارىپى ئۈچۈن دەستەك قىلىشنىڭ مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئائىلە تەربىيىسى ئۈچۈن ئەڭگۈشتەر قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

ئۇيغۇر خەلقى ئاجايىپ ئۇلۇغ پۇرسەتتە ياشاۋاتىدۇ. بۇ پۇرسەتتە ناھايىتى نازۇك ۋە كېسكىن بولغان خىرىسقا ۋە تاللاشقا دۇچ كەلدى. شۇڭا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنى ئوڭشاشتا تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى، بۇ تۇنجى قەدەم پۇختا بېسىلمىسا، تۇلۇغۋار غايىلەرنىڭ ھەممىسى كۆپۈككە ئايلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلقىمىزنىڭ ياراملىق پەرزەنت تەربىيىلەش ئىقتىدارى يوق. بەزىلەر يەنىلا تېپىپ-تەمتىرەپ يۈرمەكتە. ھەتتا بەزىلەر «بىزنى ئاتا-ئانىمىزمۇ كىتاب كۆرمەي تەربىيىلىگەن ئىكەن» دەپ ئۆزىنىڭ

437

بەت 446

تېخىچىلا ھايۋان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالماي يۈرمەكتە. ئون مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بۇ مىللەتنىڭ تېخىچىلا كىتاب ئوقۇپ ئۆزىنى ۋە پەرزەنتىنى تەربىيىلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلىرى 0.1 پىرسەنتكە يەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك بىر مىسالى شۇكى مەن 2002-يىلى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىز ئۈچۈن «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن قوللانمىنى زور ئىجتىھات بىلەن يېزىپ بەرگەن ئىدىم. ئۈچ يىل داۋامىدا ئۇنى 0.1 پىرسەنت ئادەممۇ ئېلىپ پايدىلىنىشقا ئىشتىراك قىلمىدى. ئەگەر شۇ كىتابىم يۈز ئائىلىنىڭ بىرىگە، ھەتتا مىڭ ئائىلىنىڭ بىرىگە كىرەلىگەن بولسا ئىدى. مەن شۇ جاپالىق ئەجرىمدىن تولىمۇ رازى بولغان بولاتتىم. مەن ئۇ كىتابنى خەلققە ئەرزىگۈدەك، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە قىلىپ يازالمىغانىدىممۇ دەپ دېسەم، كىتابنى ئوقۇغان نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا تېلېفون بېرىپ، شۇنداق ياخشى كىتابنى يېزىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت دەپ، تەشەككۈر ئېيتتى. شۇنداق ئەھۋالدا يەنىلا بۇ كىتابنى يېزىشقا ئىشتىراك قىلدىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ئەگەر بۇ كىتابنى قەدرىگە يېتەلەيدىغان ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن مىڭى ئوقۇپ ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە ئىتائەت قىلالىسىلا، بۇنى مېنىڭ زور ئۇتۇقۇم دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن بىلگەن، ھېس قىلغانلىرىمنى خەلقىمگە تەقدىم قىلىشنى ئىنسانىي ۋە ۋىجدانىي بۇرچۇم دەپ كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشۋاتقان ئادەم. چۈنكى يۈسۈپ بوۋام ماڭا ھەم ئىنسانىيەتكە بىلىمنى جايىدا ئىشلىتىش توغرىسىدا مۇنداق تەلىم بەرگەن ئىدى:

211 كىشى كۆڭلى تۈپسىز دېڭىزدەك ئېرۇر، بىلىم ئۇنچە ئوخشاش تۈۋىدە ياتۇر.

212 دېڭىزدىن چىقارمىسا ئۇنچە كىشى، قالۇر قەدرىسىز بولۇپ ئونچە ساي تېشى.

بەت 447

گەر ئالىم ئىلمىنى چىقارمىسا تىل، يورۇتماس ئۇنىڭ ئىلمى ياتسىمۇ يىل.

قەدىمكىلەر «نادانغا ھېكمەت سۆزلىسەڭ زايا كېتىدۇ» دېگەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەنىنى: «مەن سۆزلىرىمنى بىلىملىكلەرگە سۆزلىدىم؛ بىلىمسىزلەرنىڭ تىلىنى بىلمەيمەن. بىلىمسىزلەرگە ھېچقانداق سۆزۈم يوق. ئەي ئالىم، مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن» دەپ ئىپادىلىگەن. شۇنداق، مەنمۇ قەدەرىگە يېتىدىغانلارغا بىلگەنلىرىمنى دەۋېرىي، دەپ بۇ نازۇك ۋە مۇرەككەپ مەسئۇلىيەتلىك ئىشنى قىلدىم، ھەقىقەت دېگەننى قانچە قېتىم تەكرارلىساقمۇ ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ، دېگەن گەپ بارغۇ، قالغىنى خەلقىمىزنىڭ ئىنسابىغا ئامانەت! بىراق پەرەنتلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا ئېرىشىش مۇمكىن بولغان بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا خىيانەت قىلىشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ ھەققى يوق!

بەت 448

مەسئۇل مۇھەررىرى: پالتاخۇن ئەلاخۇن مەسئۇل كوررېكتورى: قەييۇم تۇرسۇن مۇقاۋىنى لايىھىلىگۈچى: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن

«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى (2)

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلدى (ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 14-نومۇر، پوچتا نومۇرى: 830046) شىنخۇا كىتابخانىلىرى تەرىپىدىن سېتىلىدۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جياخۇا مەتبەئەچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە بېسىلدى فورماتى: 787x1092 م م 1/32 باسما تاۋىقى: 13.875 قىستۇرما ۋاراق: 2 2006-يىل 12-ئاي 1-نەشرى 2007-يىل 2-ئاي 1-بېسىلىشى تىراژى: 5000 — 0001

ISBN 7-5631-2078-5 ئومۇمىي باھاسى: 40.00 يۈەن يەككە باھاسى: 20.00 يۈەن

ئاۋازلىق كىتاب
1-باب: ياراتقۇچى تەڭرى تەئالانىڭ مەدھىيىسى
100%
00:00 --:--