ھاجى مىرزاھىد كېرىمى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
2
(رومان)
شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
مۇندەرىجە
| بىرىنچى باب تەشۋىشتە قېلىش | 1 | | ئىككىنچى باب زىنداندا يانغان ئۈمىد مەشئىلى | 37 | | ئۈچىنچى باب خانىشلار ۋە شاھزادىلەر | 69 | | تۆتىنچى باب ئەنسىز كۈنلەر | 104 | | بەشىنچى باب يولدىكى سويقەست | 134 | | ئالتىنچى باب ھاجىپلىق كۇرسىدا ئۆلتۈرۈش | 177 | | يەتتىنچى باب ھەكىم قىزنىڭ سىرى | 212 | | سەككىزىنچى باب كۆز قىيمىغان ئايرىلىش | 237 | | توققۇزىنچى باب ھۈسەيىن ئارسلانخان | 263 | | ئونىنچى باب ئوردۇكەنتتىن كەلگەنلەر | 294 | | ئون بىرىنچى باب شۇم خەۋەر | 319 | | ئون ئىككىنچى باب خانىش قىلىچخان | 350 | | ئون ئۈچىنچى باب بۆرە ئىنىغا كىرىش | 380 | | ئون تۆتىنچى باب ئوردۇكەنتتىن كەلگەن يارلىق | 411 | | ئون بەشىنچى باب ئەل سوراش ئاسان ئەمەس | 449 | | ئون ئالتىنچى باب ئالىمنىڭ غېمى | 489 | | ئون يەتتىنچى باب بايبەگ ئىنال تېگىن | 532 | | ئون سەككىزىنچى باب ئوردۇكەنتكە بېسىپ كىرىش | 572 | | ئون توققۇزىنچى باب بارسغاندىكى قانلىق جەڭ | 620 | | يىگىرمىنچى باب تۈمەن دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت | 664 | | يىگىرمە بىرىنچى باب ئاسىيلارنىڭ تەقدىرى | 683 | | يىگىرمە ئىككىنچى باب توغرۇل قاراخاننىڭ تەختكە چىقىشى | 712 | |يىگىرمە ئۈچىنچى باب ئادىل جازا | 739 | |يىگىرمە تۆرتىنچى باب دىدارلىشىش ۋە ئايرىلىش | 774 | |يىگىرمە بەشىنچى باب پىنھاندىكى خەزىنە | 790 | |يىگىرمە ئالتىنچى باب ئىككى ئاستانىگە ئەبەدىيلىك بېغىشلاش | 822 | |يىگىرمە يەتتىنچى باب تىنچ ئۆتكەن كۈنلەر | 855 | |يىگىرمە سەككىزىنچى باب يىگىت بىلەن قىزىلغان قۇدۇق | 886 | |يىگىرمە توققۇزىنچى باب يۈكسەك مەرتىۋە، قۇتلۇق ئارزۇ | 926 | |ئوتتۇزىنچى باب يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپاتى | 952 | |خاتىمە | 968 |
2
بىرىنچى باب: تەڭلىكتە قېلىش
1
تاڭ غۇۋا يورۇدى. قۇم تاشلىق سايلىق ھەممە تەرەپتىن ئۆلۈم پۇرىقى — جەسەت ھىدى كېلىۋاتاتتى. دەھشەتلىك جەڭ بولغان بۇ ئەنسىز چۆلدىن تېزرەك كەتكۈسى كەلگەن مۇھەممەد ئارسلانخان قۇماربېكەكنىڭ مەھەللىسىدە ناشتا قىلىپلا، لەشكەرلىرى بىلەن يولغا چىقتى. يەتتە كۈندە ئاتۇشقا يېتىپ كېلىپ، لەشكەرلىرىنى قەشقەرگە ماڭدۇرۇۋەتتى. ئۆزى خانىشلىرى، جاندارلىرى بىلەن، مەشھۇردىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىغا چۈشتى، ئۈچ كۈن كەئبىگىلىككە نەزەر بەردى. «ئى ئاللا، توغرا قىلىۋاتامدىمەن، خاتا قىلىۋاتامدىمەن، ئۆزۈڭگە مەلۇم، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن» دەپ ھەر نامىزىدا گۇناھىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. تۆتىنچى كۈنى كۈن پاتار چاغدا بوزاغو مۇلازىملىرى بىلەن كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.
— خوش خەۋەر شاھىنشاھ ئالىيلىرى، ئوردۇكەنت دەرۋازىسى ئېچىلدى. بۇغرا تۆگىلەر دەرۋازا ئالدىغا ئاچىقىلدى. ئالتۇن توقا ئۆزلىرىنىڭ ئولتۇرۇشىغا راسلاپ قويۇلدى. گۇناھكارلار زىندانغا تاشلاندى.
— ئوھۇي جاندارلار بېشى، ئوردۇكەنتكە بېرىپلا ئەمەلىڭىزنى ئۆستۈرۈپ كېدۇت تەقدىم قىلىمەن، — دېدى مۇھەممەد ئارسلانخان يانچۇقىدىن ئالغان ياقۇت تەسۋىنى سۆيۈنچە ئورنىدا بېرىپ، — قارشىلىققا ئۇچرىمىغانسىلەر؟
1
يوقسۇ ئالىيلىرى، قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلدۇق. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئەمىرى بىلەن تۆمۈربۇقا نەسىردىن دېگەن قېرى سۇباشى كېلىۋاتقىنىمىزدىن خەۋەر تېپىپ، قوۋۇقلارنى تاقاپ، ئېلىشىشقا تەييار تۇرغانىكەن. كېلىشىمىز بىلەن ياردىن يامغۇردەك ئوق ياغدۇردى. بىزمۇ ئوق ياغدۇرۇپ مەھچاناقتىن، سوزماقتىن تاش بوران قىلىپ، ئۇلارنى باش كۆتۈرگۈزمىدۇق، بەش تۈمەن سىپاھقا ئازغىنا ياساۋۇل نۆكەرلەر قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيسۇن، دەيدىلا؟ يۈزلەنگەن شوتىلارنى قويۇپ سېپىلغا چىقتۇق. دەرۋازىنى قارلۇق بۇرادىرىم ھوشۇربەگ ئېچىپ بەردى. ئۇ سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ دەرۋازىۋەن بېگى ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزاقتىن بېرى ئالاقىلىشىپ، ئىشنى پىشۇرۇپ قويغانىدۆم. ئالىيلىرى، ئۇنى ئوبدان تارتۇقلاپ قويغايلا، بوزاغۇ سۆزىنى توختىتىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە مەغرۇرانە قاراپ قويدى.
ئەلۋەتتە، تارتۇقلايمەن، ئەمەلىنىمۇ ئۆستۈرىمەن. شۇنداق قىلىپ شەھەرگە كىردىڭلار؟ چىرايىنى كۆلەڭگە قاپلىغان مۇھەممەد ئارسلانخان مانا كۆردۈڭلارمۇ دېگەندەك قىلىپ ئوغۇللىرى ھۈسەيىن ئارسلانخان بىلەن ئىبراھىم تېكىنگە باش لىڭشىتىپ قويدى.
كىردۇق ئالىيلىرى، چۇقان سېلىپ باستۇرۇپ كىردۇق. بىز بىلەن ئېلىشقان سىپاھلار كۆپ ئەمەس ئىكەن. ھەيران قالارلىق ئەھۋال شۇكى، ھۈسەيىن غېبى خەلەپ دېگەن بۈگۈ بىلگە شاگىرتلىرى ۋە ئاۋام خەلقنى تەشكىللەپ بىزگە قاتتىق قارشىلىق قىلدى، ئۇنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلىدۇق. باشقىلىرىنى سۈر توقاي قىلىپ ئەدىپىنى بەردۇق. ئۆلگەنلىرى ئۆلدى، تىرىكلىرى قېچىپ مۆكۈندى.
تۆمۈربۇقا نەسىردىنچۇ، ئۇنى تۇتتۇڭلارمۇ؟
تۇتتۇق، ئالىيلىرى، ئۇنى سېپىل ئۈستىدىن يەرگە تاشلىۋەتتۇق، مىجىقى چىقىپ كەتتى.
بارىكاللا! … ئوردىنى ئىگىلىگەنسىلەر؟
ئىگىلىدۇق. لەشكەرلىرىمىز جانقورغان، دۆلەتباغ، قورغان، ئوپالدىكى سىپاھىلار تۇرالىرىغا ئورۇنلاشتى. ئوردۇكەنت پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىلىرىگە ئۆتتى. دوقابەگ ھەزرەتلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئوردىنى، شەھەرنى بېزەپ، يوللارنى راۋان قىلىش كۈيىدە يايپىتەك بولۇپ قالدى. بەللى، قەيسەربەگ، بەللى … قالتىس ئىش قىلىپسىلەر. مەن بۇ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە يەر، سۇ، مال مۈلۈك سۇيۇرغال قىلىپ بېرىمەن. ھەممىلىرىگە ھەقائىللا ئالىيلىرى، بوزاغۇ تېزلاندى. ئۇنداق بولسا دەرھال ئاتلىنىپ ئوردۇكەنتكە تېزىرەك بارايلى، دەپ ئورنىدىن تۇردى خۇشال بولۇپ كەتكەن مۇھەممەد ئارسلانخان. قۇماربېكە مەپىدە ئېلىك ئالدىدا كەتتى. مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ جاندارلىرى بىلەن ئېتىغا قامچا ئوردى. ئاخىرىدا مەھمۇد تېكىن مومىسى، ئانىسى بىلەن يولغا چىقتى. ئۇ ناھايىتى مەيۈس ئىدى. ھەر قانداق قىلىپمۇ، ئۆزىگە كۆيۈنۈپ كەلگەن ئامراق بوۋىسىنى ئەسلىيەلمەيتتى. ئۆنىگدىن رايى يېنىپ كەتكەندى. مورتوم كەنتىدىن باشلاپ يولنىڭ ئىككى قاسىنىدا سەپراس بولۇپ ئوتقاش كۆتۈرگەن سىپاھىلار ۋە بولۇنبەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغان شەھەر ئەھلى: مۇھەممەد ئارسلانخان ئالىيلىرىغا سالامەتلىك تىلەيمىز! ئاللا مۇھەممەد ئارسلانخانغا رەھمەت قىلسۇن! دەپ توۋلاپ كۈتۈۋالدى. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئاتتىن چۈشكەن مۇھەممەد ئارسلانخان ئالتۇن توقا ئورنىتىلغان بۇغرا تۆگىگە مىندى. ھۈسەيىن ئارسلانخان، ئىبراھىم تېكىنلەرىمۇ بۇغرا تۆگىگە مىنىشتى. مەھمۇد تېكىن مىڭىلى ئۈنمىدى. دوقابەگ ، بوزاغۇلار بۇغرالارنى يېتىلەپ ئورداغا مېڭىپ كەتكەندىن
كېيىن، مەھمۇد تېگىن مۇلازىملىرى بىلەن ئۆدۈل جانقورغان يېنىدىكى زىندانغا كەلدى.
زىندانبېگى ياشانغان كىشى بولۇپ، مەھمۇد تېگىننى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى.
— مەن بۇغرا قاراخان ۋە يۇغرۇش بېشى بەگتۈسۈپ، كىشى قارا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ بۇزرۇكۋار بىلەن كۆرۈشمەكچىمەن، — دېدى ئۇ.
— دوقابەگ جەنابىلىرى ئىجازىتىمىزسىز ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمەڭ دېگەنىدى. شاھزادە، سىلى كۆرۈشمەن دېسىلە ماقۇل بولماي ئامالىم يوق. ئۆلار چاھدا.
زىندانبېگى مەھمۇد تېگىننىڭ ئۆزىنىلا زىنداننىڭ ئىچكىرى سەھنىسىدىكى چاھ يېنىغا باشلاپ كەلدى. قاراۋۇللارغا چاھ ئۈستىدىكى تاش ياپقۇنى ئالدۇردى.
— كۆرۈشسىلە، شاھزادە، — دېدى ئۇ ئوتقاشنى تۇتۇپ، — بۇغرا قاراخان مۇشۇ چاھدا، ئۆنى خۇدايىم پاناھىدا ساقلىغاي. مەھمۇد تېگىن چاھقا ئېگىلىپ ئوتقاش يورۇقىدا بىر كۆلەڭگىنى كۆردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇغرا قاراخان بوۋا، قانداقراق تۇرۇۋاتىلا، سىلىدىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن، — دەپ ھال سورىدى.
مەھمۇد تېگىننىڭ ئۈنىنى ئاڭلىغان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاقتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ تۇرالمىدى.
— بالام، يوقلاپ كەپسىزمۇ — ھە، كۆپ رەھمەت. سىلىنى كۆردۈم، ئەمدى چاپسان قايتىپ كەتسىلە، بۇ يەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قالمىسىلا، يېقىندىن غەم يېمىسىلە، بالام، — ئۆنىڭ ئاۋازى ئاران ئاڭلانغان مەھمۇد تېگىن:
— ئامان بولسىلا بوۋا، مەن ئاتامغا دەپ سىلىنى زىنداندىن قۇتقۇزۇپ چىقىمەن، — دەپ توختىدى.
— رەھمەت بالام، ئۈنلىرىنى ئاڭلاپ كۈن نۇرىنى كۆرگەندەك بولدۇم، روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئەمدى قايتىپ كەتسەڭلار، بىز ھامان دىدار كۆرۈشىمىز، — ئورنىدىن تۇرغان سۇلايمان ئارسلانخان چاھ ئاغزىدا ئېگىلىپ تۇرغان مەھمۇد تېگىننى كۆردى، — بالام، مەيۈسلەنمىسەڭلار، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالاممۇ زىنداندا يەتتە يىل يېتىپ چىقىپ پادشاھ بولغان، — ئۇ قولىنى پۇلاڭلاتتى، — سالامىمنى غەمگۈزار مومىلىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويسىلا.
— يەتكۈزىمەن بوۋا، يەتكۈزىمەن. يەنە قانداق بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلىرى بولسا بۇيرۇسىلا، ئادا قىلىمەن، — مەھمۇد تېگىننىڭ چاھ ئىچىدىن بوۋىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئارزۇسى كۈچەيدى، — مەن يوقلاپ تۇرىمەن، خۇدايىمغا ئامانەت، — دېدى ئۇ قىيىمىغان ھالدا خوشلىشىپ.
مەھمۇد تېگىن زىندانبېگى بىلەن يەنە بىر چاھنىڭ يېنىغا كەلدى. قاراۋۇللار چاھ ئۈستىدىكى تاشنى ئېلىپ بىر يانغا قويدى. ئۇ زىندانبېگىنىڭ قولىدىكى لوپىراپ كۆيۈۋاتقان ئۇتداشنى ئالدى، چاھقا ئېگىلىپ:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يوغروش بېشى بەگتۈسۈپ ئاغا، ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم. زىندانغا تاشلانغانلىرىدىن پۈتۈن ئەل قايغۇرماقتا. تەقدىرنىڭ بۇ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقلىرىغا ئىشەنچىم كامىل، ساق تۇرۇۋاتامدىلا؟ — دەپ ھال سورىدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۈگۈن بەلگە ئېنىم، ئەلھەمدۇلىللا ئامانمەن. مېھمانخانا ياكى باغلاردا خوشال — خۇرام كۆرۈشكەنگە قارىغاندا، بۇنداق مۇدەھش ئورۇندا ئەنسىزلىك، ۋەھىمە ئىچىدە كۆرۈشكەن تولىمۇ مەنىلىك بولىدۇ، دوستلۇقمۇ باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ. مەن سىلىنىڭ بۇنداق قايغۇ — ئەلەملىك كۈندە يېقىننى يوقلاپ كەلگەنلىكلىرىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم، — پۇتىنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈلۈپ قارىغان بەگتۈسۈپنىڭ تەسىرلەنگىنىدىن كۆزلىرىگە ياش كەلدى.
5
مەھمۇد تېگىنمۇ كۆزىگە ياش ئالدى.
— مەيۈسلەنمىسە ئاغا، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىر مۇشكۈللۈكتىن كېيىن بىر ئاسانلىق جەزمەن بولىدۇ. پۈتۈن ئەل سىلىنى ياد ئەتمەكتە.
— مەن بۇ ئېغىر زەربىدىن ھەسرەت دېڭىزىغا غەرق بولغان بولساممۇ، ھايات قالغىنىمدىن يەنىلا مەمنۇن مەن. سىلى تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن پېقىرنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالدىلا، بولمىسا ئۆلۈكۈم چۆلدە قالاتتى، — دېدى بەگىيۈسۈپ تەسىرلىك قىلىپ، — سىلىنىڭ جەڭ كىيىمى كىيىمىگەنلىرىدىن ئاشۇ كۈنلا، بوۋىلىرىنىڭ ئوردۇكەنتكە قىلغان بۇ ناھەق يۈرۈشىگە قوشۇلمىغانلىقلىرىنى بىلگەنىدىم. زىيان تارتقۇچى ئاۋام بولدى. بىگۇناھ كىشىلەر قىرىلدى. بۇنىڭ سورىقى بولماي قالمايدۇ، ئىنىم.
— ئەلۋەتتە، ئاغا، مەن مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋامنى بۇ يۈرۈشتىن توسۇپ قالالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن. بوۋامنىڭ، سىلىنىڭ، ئۇستازىم غېبنى خەلەپ كاشغەرىينىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقى مەملىكەت خەلقىنى چۆچۈتۈۋەتتى، يۈرىكىم پوچىلىنىپ، ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە. مەن چىدىيالماي قالدىم، ئاغا، — مەھمۇد تېگىن مەڭزىگە سىرغىپ چۈشكەن يېشىنى سۈرتتى.
— جاناپى ئاللا ئادەمنى ياراتقاندا، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا تارتىدىغان ئازاب — ئوقۇبەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا سەۋر ھەم چىدامچانلىقنى ھەمراھ قىلغان. سەۋرچان ھەم چىداملىق بولۇش ھەرقانداق ئېغىر ئازاب — ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىش دېمەكتۇر. قېنى ئەمدى ئېيتسىلا، ئۇيغۇر، ئەرەب تىللىرىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ. ئاقساپ قالمىغاندۇ؟
بەگىيۈسۈپنىڭ شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا، زىنداندىن قانداق قۇتۇلۇش توغرۇلۇق سورىماي، ئىلمىي ھەقتە سۆز ئېچىشى
مەھمۇد تېگىننى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈۋەتتى.
— ئاقساپ قالدى، ئاغا، ئەلدە شۇنچە كۆپ قان تۆكۈلگەن، بۇغرا قاراخان ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ يېتۈك ئەقىلدارلىرى زىندانغا تاشلانغان تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئىلمىي ئەمگەكلىنى داۋاملاشتۇرالايىمەن؟ مەن بارسغاندىكى چېغىمدا، ئوغۇز، قارلۇق، ياغما، چىگىل، قىپچاق، باسمىل قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئۆرىپ-ئادەتتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماۋەرائۇننەھر، خۇراسان دىيارلىرىنى، ئورخۇن، بالقاش، ئىدىل بويلىرىنى ئارىلاپ ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشكەندىم. شۇنى ئاساس قىلىپ بىرنەچچە كىتاب يېزىش ئىستىكىدە كېلىپ قەلەم تەۋرىتىۋاتقىنىمنى ئۆزلىرىدىن سىر تۇتمايمەن، ئەمما…
— بارىكاللا شاھزادەم، — بەگتۈسۈپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، — ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەرەب-پارس تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى دەلىللەپ بىر ئىلمىي كىتاب يېزىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. بۇ قۇتلۇق ئىشنى باشلىغان ئىكەنلا، يېرىم يولدا توختىتىپ قويماسلىقلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
بەگتۈسۈپنىڭ بۇ ئىلتىجاسى مەھمۇد تېگىننى سۈيۈندۈرۈۋەتتى.
— ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە، «كىتابۇل جەۋاھىرۇن نەھۋى لۇغاتىت تۈرك»① دېگەن كىتابنى ئاخىرلاشتۇرۇش پېيىدە تۇراتتىم، ئەپسۇس…
— كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىغايلا ئىنىم، سىلى جەزمەن بۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن تۈركىي تىلىنىڭ شۆھرىتىنى ئالەمگە يايىدۇلا. غەم-ئەندىشە بىلەن ۋاقىت زايه بولۇپ كەتمىسۇن، بارسىلا ئىنىم، ئىشلىرىنى پۈتكۈزۈشكە ئالدىرىسلا، بىزنىڭ غېمىمىزنى تەڭرى ئۆزى قىلىدۇ…
① «تۈركىي تىللار جۈملىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى» دېگەن مەنىدە.
مەھمۇد تېگىن بەگىيۈسۈپنىڭ كۆڭلىنى چۈشەندى. «نېمىدېگەن ئالىيجاناب ئادەم - ھە! ئۆزىنى قىلچە ئويلىمايدۇ، غېمى باشقىلاردا … ئاتامغا، بوۋامغا ئېيتىمەن، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش كىتاب يېزىشتىنمۇ مۇھىم …»
- خوش، خۇدايىمغا ئامانەت، ئوغلۇم …
- سىلىنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم، ئاغا، يەنە يوقلاپ كېلىمەن، - مەھمۇد تېگىن ئاستا ئارقىسىغا ياندى. «جاھالەتنىڭ ئادالەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى ھېكمەت نېمىدۇ؟ تەقدىرنىڭ ياخشىلارنى يىغلىتىپ، يامانلارنى كۈلدۈرۈشىدە يەنە قانداق ساۋاق ۋە ئىبرەت باردۇ؟ بەگىيۈسۈپ، ئۇستازىمچۇ؟… ئى تەڭرىم، ئۇلارغا ئۆزۈڭ مەدەتكار بولغايسەن …»
- شاھزادە، مەۋلانە ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ مانا بۇ چاھدا، - مەھمۇد تېگىن قاپقاقنى يانغا سۈرۈپ قويۇلغان چاھ ئاغزىدا توختاپ ئېگىشتى - دە:
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈگۈ بىلگە كىشى قارا، خىزمەتلىرىدە بولالمىغىنىمدىن ناھايىتى خىجىلمەن، - دەپ ھال سورىدى.
- شاھزادەم، پېقىر ئىككى ئوغلۇمنى ئۇ دۇنياغا ئۇزاتساممۇ ئۈمىدسىزلەنمىگەن. زىمىستاندىن كېيىن باھار كېلىدۇ، پېقىردىن غەم يېمىسلا، - دېگەن جاۋابنى ئاڭلىغان مەھمۇد تېگىن:
- ھەزرەتلىرى قاراڭغۇ زىنداندا ياتسىلا، پۈتۈن ئەل ئۆزىنى زىنداندا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ ئازابلىنىۋاتسا، شاگىرتلىرى قانداقمۇ غەم يېمەي تۇرالسۇن … يەنە يوقلاپ كېلىمەن، - دەپ خېلى ئۇزاق مۇڭداشتى، ئاندىن قول باغلاپ تۇرغان زىندانبەگكە قارىدى، - ئاغا، زىندانغا تاشلانغان بۈزرۈكۋارلارغا قوپاللىق قىلماڭ، سىلىق مۇئامىلىدە بولۇڭ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ، مەن پات - پات كېلىپ تۇرىمەن.
— باش ئۈستىگە شاھزادەم! مەھمۇد تېگىن قايغۇرغان ھالدا زىنداندىن ئېشىكتىن يىراقلاشتى.
2
كېنىزەك ۋە مۇلازىملىرى بىلەن گۇگۇم چۈشكەندە قەشقەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ، ھەرەمدىكى قەسىرگە چۈشكەن قۇماربېكە تاڭ ئاتقۇچە كۆزىنى يۇممىدى. ئەتىسىلا جەڭ كىيىمىنى يۆتكەپ ئارامگاھ سارىيىغا چىقىپ خەۋەر كۈتۈشكە باشلىدى.
ھاۋا شۇنداق قاتتىق گۈلدۈرلىدىكى، قىيا ئوچۇق دېرىزىدىن قاراپ تۇرغان خانىش چۆچۈپ كەينىگە داجىدى. يال-يول قىلىپ چاققان چاقماق قەسىر ھويلىسىنى ئاللىدە يورۇتۇپ، يامغۇر شارىلداپ ياغقىلى تۇردى. «ئېرىم كەلگۈچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولسام كاشكى…»
خانىش دېرىزىنى يېپىۋېتىپ، بۇلۇڭغا قويۇلغان تەكلىمە تاش ئورۇندۇق ئالدىغا كەلدى. تاش ئورۇندۇق ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، ئوڭ تەرىپىگە ئالتۇن ساپلىق قىلىچ بىلەن بۆرە قۇيرۇقى، سول تەرىپىگە بولسا بۈركۈت مۈڭگۈزى ئېسىلغان ئىدى. بۇلار قۇماربېكىنىڭ شىكار قوراللىرى ئىدى. ئۆينىڭ ئەڭ تۆرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مېھرابنىڭ ئىككى يېنىغا سەللە ۋە شايى تون، ئالتۇن ساپلىق ئومۇت ئېسىپ قويۇلغانىدى. بۇ ئومۇتنى غەزنەۋىيلەر شاھى مۇھەممەد ئارسلانخانغا سوۋغا قىلغانىدى، قۇماربېكە ئۇنى ئېرىدىن سورىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئارامگاھ سارىيىدا ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. تەكچىلەرگە خىلمۇخىل گۈل ئۆستۈرۈلگەن يامىلار تىزىلغانىدى. ناۋات سۈيىدە پات بېرىپ نەقىش چىقىرىلغان تاملارغا چىقىرىلغان ئەگمە قۇببىلىك دېرىزىلەرمۇ ئۆزگىچە ئىدى. ئاسا جۈپ قىلىنغان تورۇسنىڭ
گۈلدار جەڭگىلىرىگە بىر - بىرىدىن چىرايلىق قەپەسلەر ئېسىلغانىدى. قەپەسلەردە قەشقەرنىڭ تومۇچۇق - قارىغۇجىلىرى، مەككىنىڭ بۇلبۇل - تورغايلىرى، ھىندىستاننىڭ شاتۇتلىرى بار ئىدى. يەرگە سېلىنغان ئىراننىڭ كۆك - يېشىل رەڭلىك گىلىمى سارايغا باھار تۈسىنى بەرگەنىدى. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئىككى پايىلىق ئالتۇن تەختى مەشەگە قويۇلغانىدى.
قۇماربىكە يەنە بىر كۆز تاشلاپ ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈردى، ئۈنسىز پىچىرلاپ كۈلۈپ قويۇپ تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. «ئوغلۇم، ئاكام نېمىنداق كىرمەيدىغاندۇ؟ ئەستا…» كۆتكىنىچە ئۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ كەتتى. ئۇ ئولتۇرغىنىچە تاش ئەينەكتە ئەكس ئەتكەن رۇخسارىغا نەزەر سالدى: بېشىغا قىزىل گۆھەر قويۇلغان ئالتۇن تاج، ئۇچىسىغا تەنلا نىمچە كىيىپ، يەلكىسىگە رەڭلىك گۈللۈك ئاق يىپەك رومال ئارتىۋالغان جۇۋان ئۆزى ئىدى. بۇ تۇرقىدا ئۇ تولىمۇ سالاپەتلىك ۋە لەطىپ كۆرۈنەتتى. «ئوبدان تۇرۇپتىمەن، يېڭىياچى چوكانلاردىن قالغۇچىلىكىم يوق. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قولىغا ئون تۆت يېشىمدا چۈشكەنىدىم. يىگىرمىدىن ئاشقاندا ئاتام ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاكام يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. مەن بولسام ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ھۆسن - جامالىم بىلەن قۇماربىكە بولۇپ ئۆتۈۋەردىم. ئاقىبەت ئېرىمنى تاجو-تەختنى تارتىپ ئېلىشقا كۆندۈردۈم. ئەمدى قارلۇق، باسمىل، چىگىل قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوغلۇم تەختنى تارتىپ ئېلىپ بۇغراخان بولىدۇ، مەن ئالتۇن تەرىم تۈركەن خاتۇن بولىمەن. ئاخىر قىساس ئالىدىغان پۇرسەت كەلدى…»
— بىكە خانىم ئالىيلىرى، ئىبراھىم تېگىن بىلەن جاندارلار بېشى قەيسەربەگ كەلدى، سارايغا باشلايمەنمۇ، مېھمانخانىغىمۇ؟ — سورىدى تەزىم قىلىپ كىرگەن كېنىزەك.
— بىكە خانىم ئەمەس توققۇش، بۈگۈندىن باشلاپ ئالتۇن
تارىم، دېدى بۇيرۇق تەلەپپۇزدا قۇماربەككە. ئالتۇن تارىم، تەخت ئالىيلىرىغا بەك يارىشىدىكەن. يۈگۈر، ئۇلارنى مەشەگە باشلا. باش ئۈستىگە، ئالتۇن تارىم. قۇماربەكنىڭ ئوغلى ئىبراھىم تېگىن بىلەن بوزاغۇ كىردى. تەختتىن چۈشكەن قۇماربەك پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كېلىپ، ئېگىلىپ بەرگەن ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى. تەختتە ئولتۇرغىن، ئالىپ ئوغلۇم. ئىبراھىم تېگىن تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. قۇماربەك بوزاغۇغا قاراپ: ئوغلۇمنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇسلا، ئاكا، دېدى. بوزاغۇ تەختنىڭ ئوڭ يېنىدىكى يۆلەنچۈكلۈك كۈمۈش كورسقا ئولتۇردى. ئىبراھىم تېگىن ئەجەبلىنگەندەك بولدى. ئۇلۇغ بۇغراخاننىڭ يۇغرۇش بېشى بولغانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن، قەيسەربەگ ئاكا، قۇماربەك ئۇنىڭ باش ۋەزىرلىك لىباسىنى كىيىپ، سەللىسىگە گۆھەر كۆزلۈك كۈمۈش ئوتۇغات قادالغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كۈلۈمسىرىدى، بۇغرا خانلىق تەختكە ئولتۇرۇش ناھايىتى داغدۇغىلىق بولغان ئوخشىمامدۇ؟ رەھمەت خانىش ئالىيلىرى، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەختكە چىقىشىدىنمۇ داغدۇغىلىق بولدى. ئۇلۇغ ھاجىپ، يۇغرۇش، شەيخۇلىسلام، سۇباشلارنى قايتىدىن تەيىنلىدى. پېقىرنى يۇغرۇش بېشى قىلىپ يارلىق چۈشۈردى، دېدى قەيسەربەگ، ئۇ خۇشاللىقىدىن تېرىسىگە پاتماي قالغانىدى. ئوغلۇمچۇ؟ قۇماربەك شاھزادىلەرگە خاس زەر جىيەكلىك بۈككە ئالتۇن ئوتۇغات قاداپ پەي قىستۇرۇلغان، مەخمەل كەمزۇلى ئۈستىدىن باغلانغان ئالتۇن توقۇلۇق كۈمۈش كەمەرىگە قىلىچ ئاسقان ئىبراھىم تېگىنگە ئانىلىق مېھرى بىلەن قاراپ سورىدى.
— بۇغراخان ئائىلىلىرى، ئىبراھىم تېكىننى جانقورغاندا تۇرىدىغان ئوردىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى سىپاھلارغا سۇباشى قىلىپ تەيىنلىدى. — ھە ! — قۇماربىكە نارازى بولغان قىياپەتتە ئەگىم قاشلىرىنى ئۈچۈردى، — ھۈسەيىن تېكىنچۇ؟ — ھۈسەيىن ئارسلانخاننى ئۆلۈھەد قىلىپ بەلگىلىدى. — نېمە؟! — توۋلىۋەتتى قۇماربىكە، ئۇنىڭ چىرقىراق ئۈنى بوزاغۇنىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى. «سىڭلىم دېگىنىمنى قىلماي قويمايدىغان خاتۇن — دە، ئوغلىنى تەختكە چىقارماي تىنمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ سايىسىدا بۇنچە چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇم. ئەگەر مېنىڭ بۈلۈنبەگنىڭ ئوغلى بوزاغۇ ئىكەنلىكىمنى مۇھەممەد ئارسلانخان بىلىپ قالىدىغان بولسا، ھېلىمۇ دارغا ئاسماي قويمايدۇ. شۈكۈر، سىڭلىم قۇماربىكىنىڭ بولۇپ قالغىنى …» دەپ ئويلىغان بوزاغۇ: — خانىش ئائىلىلىرى، بۇنىڭ كارايلىتى چاغلىق، يېقىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىبراھىم تېكىننىڭ خىزمىتىدە بولىمەن، — دېدى. قۇماربىكىنىڭ چىرايى بۇلۇتتەك تۇتۇلدى. — ئۆلۈھەدلىككە ئوغلوم بەك مۇناسىپ ئىدى. بۇ خۇسۇستا خاقانىمغا سىلى مەسلىھەت بەرمىدىلىمۇ؟ — يېتىنالمىدىم، خانىش ئائىلىلىرى، بۇ توغرۇلۇق ئاستا — ئاستا گەپ ئېچىپ، ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن. — مەھمۇد تېكىنچۇ؟ — قۇماربىكە ئېسىگە ئېلىپ سورىدى. — بۇغرا قاراخان ئائىلىلىرى بۇ نەۋرىسىنى قابىل، ئىستېداتلىق دەپ بىلىپ، دىۋان بېشى قىلىپ بەلگىلىگەندى. «مەن ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن، بوۋا. بۇ ئالىي مەنسەپنى قوبۇل قىلالمىغىنىم ئۈچۈن ئەيىبكە بۇيرۇمىغايلا» دەپ رەت قىلدى. دۇنيادا مەنسەپ بىلەن خوشى يوق
12
بۇنداقمۇ ئادەم بولىدىكەن، توۋا، بوزاغۇ كىمخاب تونىنىڭ زەر ياقىسىنى تۇتتى.
قۇماربىكەنىڭ چىرايى يەنە ئاپتاپتەك ئېچىلدى.
ئەلۋەتتە شۇنچە چوڭ ئۆزگىرىش ياسىغان ئىكەنمىز. بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ ۋەلىئەھد توغرىسىدىكى قارارىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيمىز، دەپ ئىبراھىم تېگىنگە قاراپ كۈلدى.
بوزاغۇ سىڭلىسىنىڭ بۇ ئىرادىسىگە قايىل بولۇپ دېدى.
ئەلۋەتتە، خانىش ئالىيلىرى، پاساھەت، ماھارەتتە تەڭداشسىز بولغان ئىبراھىم تېگىن ۋەلىئەھد بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ. بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى ئابىنچۇ خاتۇننىڭ ئۆزىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ، مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ شۇ، بوزاغۇ مۇلايىم كۈلكىسى بىلەن سىڭلىسىغا مەنىلىك قاراپ قويدى.
قۇماربىكە «پەيت كەلدى» دەپ ئويلاپ، سوئال نەزىرى بىلەن بىر ئۆزىگە، بىر بوزاغۇغا كۆز سېلىپ ئولتۇرغان ئوغلىغا ئۇزاقتىن بېرى ئاشكارىلىماقچى بولۇپ كېلىۋاتقان سىرنى ئاچماقچى بولۇپ:
ئوغلۇم، ئەمدى سېنى ئېيتىلمىسام بولمايدىغان بىر مەخپىيەتلىكتىن خەۋەردار قىلاي. بۇ توغرۇلۇق ئىككىنچى بىر كىشىگە، جۈملىدىن خاقان ئاتاڭغا دېمەسلىك توغرىسىدا قەسەم ئىچ! دېدى.
تېخىمۇ ئەجەبلەنگەن ئىبراھىم تېگىن كۆكۈچ كۆزلىرىنى ئۆزىگە مىختەك قاداپ تۇرغان ئانىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماقچى ئىكەنلىكىنى تۇيۇپ:
ھېچكىمگە، ھەتتا خان ئاتامغىمۇ دېمەيمەن، ئەگەر دېسەم ئاللا مېنى جازالىسۇن! دەپ قەسەم ئىچتى.
قۇماربىكە تەختتىن تۇرۇپ قەسەم ئىچكەن ئوغلىغا مېھرى بىلەن بېقىپ، ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى.
ئوغلۇم، بۇ قەيسەربەگ مېنىڭ ئاكام، سېنىڭ تاغاڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق بىر ئىشتا ئۇنىڭ بىلەن
مەسلىھەتلىشىش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىش قىلىش لازىم.
ھەيرانلىقتىن ئىبىراھىم تېگىننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئانىسى بىلەن بەگ ئۆتەكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنەلمەي، باشقىچە ئويلاپ ئازابلىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئانىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئارامغا چۈشكەن بولسىمۇ، بۇنىڭ كىشىلەرگە دېگىلى بولمايدىغان سىر ئىكەنلىكىدىن ئەجەبلىنىپ، ئېڭىدا شۈبھىلىك ۋەھىمە پەيدا بولۇپ سورىدى:
— قانداقسىگە بۇ بەگ ئۆتەكەم سېنىڭ ئاكاڭ، مېنىڭ تاغام بولىدۇ، نېمىشقا بۇنى ئاتام بىلسە بولمايدۇ؟
— بالام، جېنىم ئوغلوم، بۇ توغرۇلۇق بىلمەكچى بولساڭ، ئېيتىپ بېرىشىمگە ۋاقىت قىسلىق قىلىدۇ. قەيسەربەگنىڭ تاغاڭ ۋە بىردىنبىر ھىمايىچىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، سەۋر قىلىپ تۇرغىن، بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە ئولتۇرىدىغان چاغدا بۇ سوئالىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشىسەن. ئۇنىڭغىچە ھېچكىمگە بۇ ھەقتە تىنمى، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يول تۇتۇشۇڭنى تەلەپ قىلىمەن. ئەگەر قەيسەربەگنىڭ تاغاڭ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، مېنىڭمۇ، ئۆزۈڭنىڭمۇ بېشىڭغا چىقىسەن، بۇغرا قاراخانلىق تەختىدە ھەرگىز ئولتۇرالمايسەن، ئۇقتۇڭمۇ بالام؟
— ئۇقتۇم ئاپا، — دېدى ئىبىراھىم تېگىن، ئۇنىڭ بۇ سىرنىڭ تېگىگە قانداقتۇر قورقۇنچلۇق پاجىئەلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ، خوش بولماي پەرىشان بولۇپ قالدى.
«بوزاغۇننىڭ ئاكام ئىكەنلىكىنى ئوغلومغا ئېيتماي تۇرسام بوپتىكەن، ئاقىۋىتى خەيرلىك بولغاي ئىلاھىم…» دەپ ئويلىغان قۇماربېكە كېنىزەكلىرىگە بۇيرۇپ داستىخان سالدۇردى. ئوغلى بىلەن بوزاغۇنى داستىخانغا تەكلىپ قىلدى، ئاكىسىغا چاي
سۇنۇپ:
— پۈتۈن ئۈمىدىم سەندە قالدى، ئاكا. خانلىقىمىزنىڭ كاتتا ھوقۇقىنى قولۇڭغا ئالدىڭ، بۇنى ھەرگىز تارتقۇزۇپ قويمايمەن! بۇغرا قاراخان ساڭا ئىشەنسۇنكى، گۇمانلىنىپ قالمىسۇن، ئۆزۈڭگە مەھكەم بول، — دېدى. ئاندىن خامۇش بولۇپ قالغان ئوغلىغا كۆزۈپ تۇتتى، — بالام، تاغاڭنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىل، ھەرگىز بويۇنتاۋلىق قىلما. خاقانلىق تاجىنى كىيمەن دېسەك، ئاكاڭنىڭ پېشىگە مەھكەم ئېسىل، ئاتاڭدىن ئۈمىد كۈتمە!
ئىبراھىم تېگىن باش لىڭشىتىپ، كۆزۈپ قىلىنغان كەكلىكنى پارچىلاپ يېيىشكە تۇتۇندى. ئۇ قۇش گۆشىگە ئامراق ئىدى.
داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن، قۇماربېكە بوينى ئېچىپ ئالتۇن تاج بىلەن بىر ئالتۇن ساپلىق خەنجەرنى ئالدى. تاجنى ئوغلىغا كىيدۈردى، خەنجەرنى بوزاغۇنىڭ ئالدىغا قويدى.
— ئوغلۇم، ئېسىڭدە تۇتقىنكى، سەن مۇشۇ ئالتۇن تاجنى كىيىپ، ئاتاڭ ئورنىغا تەختكە چىقىسەن. لېكىن، بۇ ئاسان ئەمەس، بىلىپ قالغىنكى، ئاتاڭمۇ، ئۇنىڭ چوك ئوغلى ھۈسەيىن ئارسلانخانمۇ سېنىڭ تەختتە ئولتۇرۇشۇڭغا جان — جەھلى بىلەن قارشى. سەن بېپەرۋا، بىغەم بولغاچقا بۇنى ئۇقماي كەلدىڭ. ئەمدى سەگەك بولۇشۇڭ، تەختتە جەزمەن ئولتۇرۇش كۈيىدە بولۇشۇڭ كېرەك، — قۇماربېكە سۆزىنى توختىتىپ، كۆكۈچ كۆزلىرىنى بوزاغۇغا تىكتى، — ئاكا، سەن خاقانىيلار ئېلىنىڭ بۇغروش بېشى، خاقاندىن قالسىلا سېنىڭ ھوقۇقۇڭ، ئابرۇيۇڭ ھەممىدىن چوك، ئەمدى قاراملىقنى تاشلا، شەھۋانىيلىققا بېرىلمە، ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىل! ئۆزىنى سورىغان خاننى سورايدۇ، دېگەن گەپ بار. دانالىق ۋە ئالىيجانابلىق بىلەن خاقاننى قولغا كەلتۈر. ئۇ سەنسىز ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىسۇن. دېگىنىڭ ئۇنىڭ پەرمانى، يارلىقى بولسۇن، مانا
شۇنداق قىلالىساڭ ئورنۇڭنى ساقلاپلا قالماي، ئوغلىمنىڭ تەختكە چىقىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن، قارلۇق خانلىقىنى بەرپا قىلالايسەن، ئېيتقىنىمدەك قىلمىساڭ بېشىڭنى يەيسەن!
ئاتىسىنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئىبراھىم تېگىن ئىختىيارسىز بېشىدا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن تاجنى سىلاپ قويدى. ئۇ بۇ ۋاقىتقىچە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقىشقا ئانچىۋالا قىزىقمىغانىدى. مۇشۇ دەم تەختتە ئولتۇرۇشقا قەسەمياد قىلدى.
— ئاللا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئابا، بۇ تاجنى كىيىپ تەختتە ئولتۇرمىغۇچە قىلىچىمنى قىنىغا سالمايمەن. تاغامنىڭ سۆزىدىن چىقمايمەن! — ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىچنى شەرت قىلىپ سۇغۇرۇپ باش ئۈستىگە كۆتۈردى.
— ھەببەللى بالام، شاھزادىدەك گەپ قىلدىڭ. بۇ ئىتتىپاققا كەلگەنلىكىڭلار، تاغىلىرى جېنىنى پىدا قىلىدۇ، — دېدى بوزاغۇ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ.
كۆڭلى تىنغان قۇماربېك ئۇلارنى ئۇزىتىپ قەسىر ھويلىسىغا چىققاندا يامغۇر تېخى پەسەيمىگەنىدى.
3
ئۇپۇقتىن يېڭىلا باش كۆتۈرگەن قۇياشنىڭ نۇرى قەشقەر دالالىرىغا زەر دەك چېچىلماقتا. يەردىن ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان بۇغداي، بېدە مايسىلىرى، ئەتىيازنىڭ غۇر-غۇر شامىلىدا مەيىن يەلپۈنەتتى. ئۆي-ئۆيدىن چىققان بىر قانچە قىز-چوكان مەھزەنگە — مەھزەرگە يېقىن كۆرۈشۈپ، چۆچۈلدىشىپ كۆك تەرگىلى مېڭىشتى. يۇغان توچ ھالقىلىق ئىشىكنى ئېچىپ چىققان بويىلوق بىر چوكانمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى، چوكاننىڭ بېشىدا ئاق رومال، ئۈستىدە ھازا كىيىمى بار ئىدى. بۇ ئۆتمۈش سانغۇننىڭ كېلىنى، ئېبلىبەگنىڭ خوتۇنى ئىدى. ئۇنىڭ
چىرايىدىن ھەسرەت، مۈشك يېغىپ تۇراتتى. ئۇ قىز - چوكانلارنىڭ يارىشىقلىق، كۈلكە - چاقچاقلىرىغا ئارىلاشماي ماڭدى. ھارۋا يولىدىن ئۇنىڭ ياندىكى چىغىر يولغا بۇرۇلۇپ، شىرىلداپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۆتتى - دە، كۆك ئوت ئۈنۈپ كەتكەن ئېتىز قىرىدا توختىدى. باشقا قىز - چوكانلارمۇ توختاپ، ئېتەكلىرىنى سەل كۆتۈرۈپ، بېدە بولۇق ئۆسكەن ئېتىزغا قەدەم قويۇشتى، خۇشخۇي بىر چوكان:
— بۇۋىئايىشە خېنىم، ھازىدار تۇرۇغلۇق كۆك تەرگىلى چىقمىسىڭىزمۇ، بىز تېرىپ ئەكىرىپ بېرەتتۇق. ھېلىھەم بولسىمۇ قايتىپ، ئارازان ئاغىچا خېنىمغا ھەمراھ بولسىلا ئوبدان بولارمىكىن، — دەپ ئۈنى كېتىشچە ئۈندىدى.
— بۈگۈن سىلەر بىلەن كۆك تەرگۈم كېلىپ قالدى، ئەتە نورۇزدا ئاباملارغا ئۆز قولۇم بىلەن كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ بېرەي دەيمەن، — بۇۋىئايىشە جاۋاب بېرىپ يەرگە ئېڭىشتى، ئۇنىڭ قاپقارا ئىككى ئۆرۈم چېچىنىڭ تارالغان ئۇچلىرى بولۇق ئۆسكەن بېدە مايسىلىرىغا تەگكەن قالدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەندىن بۇيان، قايغۇ - ھەسرەت دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتكەن بۇۋىئايىشە ئېغىر - بېسىقلىق، سەۋرچانلىق بىلەن، بۇ ئائىلىنىڭ مۆرىسىدىن تۇتۇن چىقىرىپ، چىرىغىدىن يورۇق چۈشۈرۈپ، كېلىۋاتاتتى.
ئېغىر كۈنگە قالغان ئائىلىلەر ئاز بولمىسىمۇ، بۇ ئائىلىگە كەلگەن دەرد - ئەلەم ھەممىدىن ئېشىپ چۈشكەتتى، ھەسرەت - نادامىتى چىداغۇسىز ئىدى. ئائىلىنىڭ تۆۋرۈكى بولغان ئادامتۇغرۇل، شان - شەرىپى بولغان ئۆدمىش، سائادىتى بولغان ئېلىبەگلىرىنىڭ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانىدى. بۇ شۇم خەۋەرنى مۇھەممەد ئارسلانخان لەشكەرلىرى قەشقەرگە باستۇرۇپ كىرگەن كۈنى، بوزاغۇنىڭ ئايغاقچىلىرى ھەممە يەرگە تارقىتىۋەتكەنىدى.
بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن بۇۋىئايىشە سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن
بىللە ئاتىسى بەگىيۈسۈپنىڭمۇ ئەسىر ئېلىنىپ زىندانغا تاشلانغانلىقىنى جاكارچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ كەلگەن ئىنىسى بەگتۈرمىشتىن ئۇقۇپ، ئاقبىرا ئاغىچا خېنىم بىلەن كېچىنى كېچە دېمەي جانقورغانغا كەلدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشەلمەي ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئېشەك ئالدىدا مەھمۇد تېگىن بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇ زىنداندىن قايتىپ ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن، بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ئاڭلىغان شۇم خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئاقبىرا ئاغىچا خېنىم ھوشىدىن كەتتى، بۇۋىئايىشە ئۇنى يۆلىۋالدى. مەھمۇد تېگىن:
— سەۋر قىلىشىسلا، تەڭرىنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن، قانخورلارنى جازالىماي قالمايدۇ. ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويۇشمىسلا، قازاغا رىزا بولغان بەندىسىنى ئاللا مۇرادىغا يەتكۈزىدۇ. ئوبدان كۈتۈنۈپ، سەۋر — چىدام، دۇئا — تەكبىر بىلەن مەرھۇملارنىڭ روھىنى شاد قىلىشلار. بەگىيۈسۈپ ئاغام مۇشۇ تىلىكىنى ھەربىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى، — دەپ تەسەللى بېرىپ قايتىپ كەتتى…
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ بۇۋىئايىشە ئانىسى ئاقبىرا ئاغىچا خېنىم، قېيىنئانىسى ئايتولۇن ئاغىچا خېنىم، قېيىنئاچىسى قۇمبا خېنىملارغا يار — يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ كېلىۋاتاتتى. بەزى كۈنلىرى شەھەرگە كىرىپ ئانىسىغا ھەمراھ بولسا، بەزى كۈنلىرى دۆلەتباغ يېزىسىدىكى باغقا چىقىپ قېيىنئانىسىنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. غەمكىن كۆڭلىگە مەلھەم بولىدىغان چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ، يىغىسىنى پەسلىتەتتى… بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يا ئەتەنگەن، يا كەچتە زىنداندىكى ئاتىسىغا تاماق ئېلىپ باراتتى. مەھمۇد تېگىن زىندانبەگىگە بەگىيۈسۈپنى توغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ تۇرۇشنى تاپىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بۇۋىئايىشە كەلسىلا كۆرۈشتۈرەتتى. بۇ غەمگۈزار چوكان بىر قانچە تىللانى
زندان بېگىگە، گۇندىپايلارغا بېرىپ تۇراتتى … مانا شۇنداق بىر - بىرىدىن زۆرۈر بولغان ئىشلار ئۇنى ئارام تاپتۇرمايتتى. چىن دىلىدىن سۆيگەن باتۇر سەركەردە ئېرىدىن ئايرىلغان، مېھرىبان ئاتىسى زندانغا تاشلانغان بولسىمۇ، بۇ ئېغىر دەردكە چىداپ كېلىۋاتاتتى. بىرئاز خالى قالسىلا، كۆزلىرى بۇلدۇقلاپ تاشقان بۇلاققا ئايلىناتتى. شۇڭا، يالغۇزلۇقنى خالىمايتتى. قايغۇ - ھەسرەت ئۇنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغاندا، ئۆگزىدىن يەرگە ئۆزىنى تاشلىۋېتىشتىن ياكى يىراق ئوتتادا يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان باغرغا خەنجەر ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاتىسىغا پاناھ تارتىپ زندانغا باراتتى. بۈگۈن ئۇ ئوشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئېغىر مۇسىبەتنىڭ جانغا تەككەن قايغۇ - ھەسرىتىدىن بىردەم بولسىمۇ نېرى بولۇشنى خالاپ، ئۆزى بېدە كۆك تېرىشقا چىققانىدى. كۆكلەمنىڭ غۇر - غۇر شامىلى ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغان مۇڭلۇق يۈزىنى سىيپاپ ئۆتتى. بىر غۇلاچ كۆتۈرۈلگەن كۈن ئىسسىق نۇرىنى ئۇنىڭ قارا كىيىم يوشۇرۇپ تۇرغان زىلۋا قامىتىگە چاچتى. چىغىر يول بويىدىكى سوۋادان تېرەكنىڭ شېخىغا قونغان كاككۇك ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندەك بويۇنداپ سايراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچە مۇڭلۇق، يېقىملىق ئىدى. قىز - چوكانلار ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن تاكى كۆكنى تېرىپ بولغۇچە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۈۋىنىسا ئېتەككە لىق توشقان كۆكنى ياغلىقىغا تۈگۈپ ماڭغاندا، مىسكىن دىلى خېلى ئېچىلىپ قالغانىدى. ئۇ قىز - چوكانلار بىلەن ھويلىغا كىردى. غۇنچە باغلانغان بولسىمۇ، گۈلزارلىقتىكى گۈللەر تېخى پورە كىلمىگەن، باغدىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى بېخ سۈرگەن بولسىمۇ، چېچەكلەپ كەتمىگەندى. پېشايۋانلىق ئۆيلەرنىڭ ئالدى گۈلچىمەنلىك ھويلا، ئارقىسى
مېھوىلىك باغ ئىدى. باغۋانچىلىق بۇ قورۇنىڭ يېڭىدىن ئەھيا قىلىنغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئايۋان - ئۆيلەرنىڭ نەقىشلىرىگە چىقىرىلغان قاپارتما نەقىشلەر، تۈۋرۈكلىرىگە چېكىلگەن گۈل - گىياھلارنىڭ نەپىسلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. بۇۋا، مومىسى ئۈچۈن بۇ باغنى بەرپا قىلغان قەيسەر يىگىت ئېلىبەگ ئەمدى يوق ئىدى. ئادامتۇغرۇل بۇ باغنىڭ سايە - سالقىنىنىڭ راھىتىگە تېخى قانمىغان، ئۆتمۈش خوتۇنى ئايتولۇن بىلەن بۇ باغدا بىر يازنىلا ئۆتكۈزگەن، ئېلىبەگمو جانانى بۇۋىئايشە بىلەن بۇ باغنىڭ ئايدىڭ ئاخشاملىرىدىكى سۆيگۈ لەززىتىنى قانغۇدەك سۈرەلمىگەنىدى. ئارازان ئاغىچا «بىللە ئۆلسەك…» دېگەن ئارمانىغا يېتەلمەي، قەدىناسى، ئوغلى، نەۋرىسىدىن بىرئاقلا ئايرىلىپ، كۆيۈپ ئاز قالغان شامدەك پىلىلداپ تۈگىمەكتە ئىدى. ئېرى، يۈرەك پارىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ تۇل بولۇپ قالغان ئايتولۇنغا بۇ دۇنيا دوزاخ تۇيۇلۇپ، پىراق ئوتىدا ئۆرتۈنەتتى. بۇۋىئايشە جاسارەتلىك ئېرى ئېلىبەگنىڭ جەسەتسىز ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەنمەي، سېغىنىپ، ئىچىدە يىغلاپ، تېشىدا ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ كۈنلىرىنى چىدام بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۆيدە بولسا، دائىم كۆزىنى ئىشىكتىن ئالمايتتى، يولدا بولسا، كىشىلەر ئارىسىدىن ئېرىنى ئىزدەتتى…
ئۇ مۇشۇ دەمدە قورو ئىشىكىدىن كىرىپلا تىپمۇ ئالدىغا ئېلىبەگ چىقىدىغاندەك، ئۈمىدۋار تۇيغۇدا ئەتراپقا كۆز سېلىپ چىقتى. دېدەك، خىزمەتكارلار ھويلا، باغ ئىچىنى سۈپۈرۈپ تازىلاۋاتاتتى. كۆمۈلگەن ئۈزۈم تاللىرىنى ئېچىپ، گۈل - گىياھلارنى سۇغىرىۋاتاتتى. ئارازان ئاغىچا پېشايلاندا تەككىگە باش قويۇپ ياتاتتى، ئايتولۇن بېشىدا ئولتۇراتتى. ئېلىبەگنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بۇۋىئايشىنىڭ پىغانى ئۆرلەپ، يىغا تۇتتى. ئەمما، ئۆزىنى مەھكەم تۇتۇپ، كۆز ياشلىرىنى يۈرەك قېتىغا يوشۇردى، ئاستا كېلىپ كۆكنى پېشايۋان سۇپىسىغا
قويدى. — ئاغىچا ئانا، خان ئانا، نورۇزلۇق كۆك تېرىپ كەلدىم. بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق. كۆك تەرگىلى چىققان قىز-چوكانلارمۇ كۆپ ئىكەن، ياخشى تىلەكلەرنى، كۈلكە-چاقچاقلارنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى، — دېدى ئۇ مۆغلۈق چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ. ئارازان ئاغىچا قايغۇ-ھەسرەتنى ئىچىگە يۇتۇپ كېلىۋاتقان بۇۋىئايىشەگە جەينەكنى كۆرىپگە تەرەپ كۆتۈرۈلۈپ قاراپ: — ئەجەب ئوبدان قىلىپسەن بالام، كۆكنى خىزمەتكار ئاياللار سوقسۇن، مەن قىزىم ئايتولۇن بىلەن تۈگۈشۈپ بېرەي، كۆك چۆچۈرىسىنى سېغىنىپ قالغانىدەم، — دەپ رۇسلىنىپ ئولتۇردى. ئۇ كېلىنى ئايتولۇننىڭ ئۆھ تارتىپ ئۈن چىقمىغىنىدىن كۆڭلىگە ھەرقانداق ئىشنى سىغدۇرالماي ئازابلىنىۋاتقىنىنى بىلدى. بۇۋىئايىشە قېيىنئانىسىنىڭ تېخىچە ئۆزىگە كېلەلمەيۋاتقىنىنى چۈشىنىپ: — خان ئانا، كۆك چۆچۈرىسى سېغىنىمىدىڭىزمۇ؟ ھە، يېگۈلىرى يوق بولسا، ئۆگرە چۆپ ئېتىپ بېرەي، — دېدى. — جېنىم قىزىم، كۆك چۆچۈرىسىنى مەنمۇ سېغىندىم، ئەجەب جىق تېرىپ كەپسەن، باياتىن مەرھۇم بوۋىلىرىڭا، ئوغلومغا قىسسنىپ غىققىدە بولۇپ قالدىم، ئۇلارنى ھېچ ئۇنتۇيالمايۋاتىمەن. خۇدايىم ھېچ بەندىسىنىڭ بېشىغا بىزنى يىغلاتقان بۇ ئېغىر كۈننى كەلتۈرمىسۇن، — دەپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. — يىغلىمىسىلا خان ئابا، ئائىلىمىزگە ئېغىر مۇسىبەت كەلگەنلەر يالغۇز بىز ئەمەس، خۇدانىڭ بۇ قازاسىغا رىزا بولمىساق ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. بوۋام، ئاتام، نەۋرىلىرى ھەققىانىيەت يولىدا جەڭ قىلىپ ۋاپات بولدى، بۇنى پۈتۈن ئەل بىلدى. ھايات ئىكەنمىز سەۋىرچانلىق بىلەن ياشىشىمىز كېرەك. يىغلىمىسىلا خان ئابا، يىغلىمىسىلا، — بۇۋىئايىشە ياشلىقى
21
بىلەن قېيىنئانىسىنىڭ يېشىنى سۈرتتى. ئارازان ئاغىچىمۇ كېلىنىگە تەسەللى بېرىپ كۆز يېشىنى توختىتالماي قالدى.
— بىز بۇنداق يىغلاۋەرسەك مەرھۇملار گۆردە تىنچ ياتالمايدۇ. ئۇلارنى يىغا بىلەن تىرىلدۈرەلمەيمىز. ئاغىچا ئانا، خان ئابا، نورۇز بايرىمى كېلىۋاتسا باش تۆكۈپ ئولتۇرساق ياخشى بولماس، سەھەر قىلىشسىلا، كۆكنى ئىلغايلى، ئۆزۈم سوقمەن، خېمىرنىمۇ ئۆزۈم يۇغۇرىمەن. چۆش بولاي دەپ قاپتۇ، — سۆزىنى توختىتىپ ئورنىدىن تۇرغان بۇغۇئايىشە ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىش ئۈچۈن تۇرغۇزغان يېتىم قىز ھەلىمەنى ئاشخانىدىن چاقىرىپ چىقتى، ئايتولۇنمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
— ھەلىمە، كۆكنى دېدەك قىزلار بىلەن ئىلغاپ سوقۇڭلار، مەن خېمىرنى يۇغۇرۇپ بېرەي، — دەپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ھەممەيلەن كۆك چۆچۈرىسى ئېتىشكە تۇتۇندى. بۇ مۆشۈ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ باشلىرىغا مۇناسىۋەت كەلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىرلىكتە تاماكقا تۇتۇش قىلىشى ئىدى. پىشۇرۇلغان چۆچۈرىنى ئىشتىھا بىلەن يېيىشتى. بۇغۇئايىشە ئازراق يەپلا، ئاشقان كۆكنى بىر خالتىغا ئالدى، دۇئادىن كېيىن يېڭى پىشۇرۇلغان چۆچۈرىنى بىر چۆگۈن ھېجىرغا لىق ئېلىپ ئورنىدىن قويدى.
— بۇ چۆچۈرىنى ئاتامغا، بۇ كۆكنى ئانامغا ئەكىرىپ بەرسەم بار. خالاشسىلا مەن بىلەن كىرىپ نورۇز بايرىمىنى شەھەردە ئۆتكۈزۈپ چىقىشسىلا.
كېلىننىڭ بۇ سەمىمىي ئۆتۈنۈشى ئايتولۇننى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. ئۇ قېيىنئانىسىغا قارىۋىدى، ئارازان ئاغىچىمۇ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى.
— زىندانغا بېرىپ ھۆرمەتلىك قۇدامنى بىر يوقلاپ كېلىشىم زۆرۈر ئىدى. ئۈست — ئۈستىلەپ كەلگەن مۇناسىۋەت بىلەن ھالسىزلىنىپ بارالماي قالدىم. خۇداغا شۈكۈر، بۈگۈن خېلى ئوبدان تۇرىمەن، قېنى ماڭايلى.
بالا - قازا يۈز بەرگەندىن بۇيان ئارازان ئاغىچىنىڭ چاچلىرى ئۈچتەك ئاقىرىپ كەتكەنىدى. ئايتولۇننىڭمۇ چىكە چاچلىرى ئاقىرىپ، ئۆزى جۈدەپ قالغانىدى. ئۇلار مەپە بىلەن شەھەرگە كىرىپ، يابىرا ئاغىچا بىلەن ئاقىبرانى ئېلىپ زىندان ئالدىغا كېلىشتى. سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپ، ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپنى يوقلاپ كەلگەنلەر ھەر كۈندىكىدىنمۇ كۆپ ئىدى.
— قاچان كەلسەم زىندان ئىشىكى ئالدىدا مۇشۇنداق ئادەم كۆپ. بۇنىڭدىن تەسكىن تاپقان كۆڭلۈم بۆلەكچە يورۇپ قالىدۇ، ئابالارىم، قاراقلار، ھەممىلەن ئاتام بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراۋاتىدۇ، — ھاياجانلانغان بۇۋىئايىشە ئانىلارىغا زىندان ئالدىدىكى كىشىلەرنى كۆرسەتتى. كۆرۈشكەنلەر زىندان ئىچىدىن ئۈدۈللۈك قايتىپ چىقىۋاتاتتى. ئۇلار يۇغان بىر توپ ئۆچمە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۈتۈپ تۇرۇشتى. بىر چاغدا ئاق تورۇققا مىنگەن مەھمۇد تېگىن مۇلازىملىرى بىلەن كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپ كۆپچىلىك بىلەن سالاملاشتى. ئەتراپىغا قاراپ ئۇلارنى كۆرۈپ، ئاتتىك قېشىغا باردى. يابىرا ئاغىچا بىلەن ئارازان ئاغىچىدىن ئالاھىدە ئەھۋال سوراپ دېدى:
— مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋام بىلەن كۆرۈشۈپ، سۇلايمان ئارسلانخان بوۋامنى، بەگىيۈسۈپ ئاغامنى، مەۋلانا ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپ قاتارلىق بۈزرۈكۋارلارنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەندىم. بىر قىسىم قارا نىيەت ئوردا ئەھلىدارلىرى ئۇنىڭ جەسىدىنى قاتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ. «سەن ئارلاشما!» دەپ ئوچۇق چىراي ئاچمىدى. تەخىر قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ھەممىلىرى ئەندىشە قىلىشمىسىلا، خۇدا خالىسا ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بوۋامنى ماقۇل قىلىمەن، سەۋر قىلىپ تۇرۇشسىلا.
مەھمۇد تېگىن ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن بەگتۈرمىشنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سوراپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىۋاتقاندا، زىندان قورۇسىدىن چىققان زىندانبېگى پايپاسلاپ كېلىپ تەزىم قىلدى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شاھزادە ئالىيلىرى، يەنە كېلىپلا - دە، مۇبارەك قەدەملىرىگە كۆز تەگمىسۇن.
مەھمۇد تېگىن ئۇنىڭ سۆزىدە بىر مەخپىي بارلىققا دىققەت قىلىپ سورىدى:
— بەردىبەگ، مېنىڭ بۇ يەرگە تولا كەلگىنىمدىن نارازى بولغانلار بارمۇ نېمە؟ ئوچۇق ئېيتىڭ.
— ئالىيلىرى، بۇ ھەقتە باشتىلا ئۆزلىرىگە ئېيتقانىدىم. يوغۇروش بېشى قەيسەربەگ شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ھەر كۈنى بەگىيۈسۈپ جاناپلىرىنى يوقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇپتۇ. ماڭا تۈنۈگۈن كەچ ئاچچىقلىنىپ: «بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمىرى: سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپ، ھۈسەيىن پەزىلۇللا قاتارلىقلارنى يوقلاپ كەلگەنلەرنى زىندان ئالدىغا كەلتۈرمە، ھەتتا ئۇ شاھزادە ياكى ئەمىر بولسىمۇ» دەپ جەرىدە قىلدى. لېكىن، مەن ئۇنداق قىلالمىدىم.
— مۇنداق دەڭ. بىلدىم، بۇ گەپنى قويايلى. ئۇلار دېگەندەك قىلمىغىنىڭىز توغرا بوپتۇ. ھازىرلا بەگىيۈسۈپ ئاغامنى ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزۈم مەسئۇل!
— خوب، ئالىيلىرى.
زىندانبېگى بەردىبەگ ئۇلارنى باشلاپ كىرىپ كېتىۋاتقاندا، پاكار بويلۇق، چوقۇر كۆز ئادەمنىڭ كۆپچىلىك ئارىسىدىن غىپپىدە چىقىپ ئوردا تەرەپكە كەتكىنىنى بەگتۈرمىش كۆرۈپ قالدى. لېكىن، بۇ يىگىت ئۇنىڭغا ئېپەن قىلماي يېنىرا ئاغىچا مومىسىنىڭ قولتىقىدىن يۆلىگىنىچە مېڭىۋەردى.
زىندانبېگى چاھ ئۈستىدىكى تاش ياپقۇچنى ئالدۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن:
— قېنى، بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى بىلەن دىدار مۇلاقاتتا بولۇشسىلا، — دەپ چەتكە ئۆتۈپ تۇردى. بىرىنچى بولۇپ يابىرا ئاغىچا چاھقا ئېگىلدى.
— ئامان تۇرۇۋاتاملا، بالام؟ — ئەلھەمدۇلىللا ئابا، دۇئالىرى بەرىكەتتىن. موماينىڭ كۆز ياشلىرى چاچ ئىچىگە تاراملاپ چۈشتى. — نورۇز بايراملىرىنى مۇبارەكلەپ ئىككى ئائىلىدىكى ھەممەيلەن كەلدۇق. — رەھمەت ئابا، سىلەرنى سېغىنغانىدىم، ھېلىمۇ كۈن ئارلاپ يوقلاپ تۇرۇۋاتىسىلەر، زىنداندا يەتسىمۇ تەڭرىمنىڭ سىنىقى، ئىنشاناللا، غەمگۈزارلىرىم. ھەربىرىڭلارنىڭ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن قورقماي يىقىرنى يوقلاپ تۇرغان ئاۋامنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ مۈشكۈل سىناقتىن ئۆتىمەن. — تەڭرىم تىلەكلىرىگە يەتكۈزسۇن، بالام. ئەمدى ئاقبىرا قىزىم بىلەن كۆرۈشسۇن، — يابىرا ئاستا ئاغزىچە كۆز ياشلىرىنى ئېرتىپ كېلىننى ئورۇن بەردى. — ئەسسالام ئاتىسى، بالىلارنى ئېلىپ كەلدىم. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئانىسى، بالىلىرىمنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلگەنىدى، — بەگىيۈسۈپنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا لىق توشتى، — قېنى ئۇلار، بىر كۆرەي، — ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈلۈپ چاچ ئاغزىغا كۆز تىكتى. — ئەسسالام ئاتا. بۇ مەن قىزلىرى بۈۋىنايىشە، سىلىگە كۆك چۆچۈرىسى ئېلىپ كەلدىم. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قىزىم، رەھمەت، كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ كەلگەنلىرى ئۈچۈن ئاللا رەھمەت قىلسۇن! نېمىشقا يىغلايلا قىزىم؟ يىغلىمىسىلا، سىلى يىغلىسىلا مەن چىدىيالماي قالىدىكەنمەن. — ياق، يىغلىمىدىم، ئاتا. نورۇز بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزەلمىگىنىمىز ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ. — سىلىگە ئاللا دىن سەۋر — چىدام تىلەيمەن، قىزىم، كېلەر يىلى نورۇزدا خودا بۇيرۇسا بىللە بولىمىز. — ئىنشانائاللا، ئاتا.
— ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا بالام. — ماقۇل، ئاتا. — نەۋرىلىرىمنى ئېلىپ كەلمەپسىزغۇ، ئوبدان چوڭ بولۇۋاتقاندۇ؟ — ئوبدان چوڭ بولۇۋاتىدۇ. يېقىندىن بېرى شۆكلەپ قېلىشتى. «بوۋام قېنى؟» دەپ سىلىنى كۆپ سورىشىدۇ. سەبىيلەرنىڭ كۆڭلىنى مالال قىلمايلى، دەپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلمىدىم، — بۇۋىئايشە ئۈنسىز يىغلىدى. — ئوبدان قىلىپلا بالام، نەۋرىلىرىمگە ياخشى قارىسىلا، باشقا چۈشكەن بۇ بەختسىزلىكلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. — ئىنشاءاللا، ئاتا. — ئوغلۇم چاھ ئاغزىغا كەلسۇن. بەگتۈرمىش چاھ ئىچىگە ئېگىشتى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا! — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم. — سالامەت تۇرغانلا، ئاتا؟ — ئەلھەمدۇلىللا، بالام، ئوبدان ئوقۇۋاتقانسەن؟ — «تەپسىرى قۇرئان» نى تۈگىتىپ، ئەپلاتون، ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپە كىتابلىرىنى ئۆگىنىشكە ئۆتتۈم، ئاتا، تىرىشىۋاتىمەن. — دۇنيادىكى ھەممە بايلىق سەرپ قىلىنىپ تۈگەيدۇ. ئەمما، بىلىم تۈگىمەيدىغان، خورىمايدىغان ئېسىل بايلىق. سەن قانچە كۆپ بىلىم تەھسىل قىلساڭ مەن شۇنچە سۆيۈنىمەن، ئوغلۇم. — خاتىرجەم بولسىلا، ئېيتقانلىرىدەك قىلىمەن. — بۇ نورۇزگۈلنى قوبۇل قىلسىلا، ئاتا، — بەگتۈرمىش قىزىلگۈل غۇنچىسىدىن ئۈچ تال، ئىككى كىتاب تاشلاپ بەردى. ئارازان ئاغچى، قۇمبا، ئايتولۇنلار چاھقا ئېگىشىپ تۇرۇپ بەگىيۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتى. ئېلىپ كەلگەن نورۇز ئېشى، يېمەكلىكلەرنى ئارقان بىلەن چاھ ئىچىگە چۈشۈرۈشتى …
ئۇلار قايتىپ زىنداندىن چىققاندا، بوزاغۇ مەھمۇد تېگىننىڭ بىرنېمىلەرنى دەۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى.
«مەھمۇد تېگىندىن دەككىسىنى يېگەن ئوخشايدۇ بۇ دەيۈز، سەن بۇيرۇقۇمنى ئادا قىلماي يەنە ئۇلارنى كۆرۈشتۈرۈپسەن، دەپ جازالىشىدىن پەرۋايىم پەلەك. بۇ زىندانغا بۇغرا قاراخان، بۈگۈ بىلگەلەر تاشلانغان يەردە، مەن نېمىدەم…» دەپ ئويلىدى قوشۇمىسى تۈرۈلگەن زىندانبېگى بەردىبەگ.
4
بۇغرا قاراخان ئوردىسى قەشقەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بوستانلىق تۆپىلىكتە ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرگەنىدى. بۇ ئوردىنىڭمۇ بالاساغۇندىكى ئورداغا ئوخشاش غەرب ۋە شەرققە ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. شەرقىي دەرۋازىسىدىن دۆلەت ئەربابلىرى، سىپاھىلار، خىزمەتچىلەر ۋە پۇقرالار، غەربىي دەرۋازىسىدىن قاراخان جەمەتىدىكىلەر كىرىپ چىقاتتى. ئوردىنىڭ كۆڭگۈرلۈك ئېگىز سېپىلى خېلى يىراقتىن كۆزگە تاشلىناتتى.
مۇلازىملىرى بىلەن زىنداندىن يانغان بوزاغۇ قارا بويۇن ئارغىماقنى دۈپۈلدەتكىنىچە شەرقىي دەرۋازىدىن كىرىپ، گۈلچىمەنلىك ئوردا سەيناسىدا توختىدى. دەرھال كەلگەن ئىككى ياساۋۇل تىزگىننى تارتىپ، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن ئاتتىن چۈشۈردى. بوزاغۇ ھېچكىمگە قارىماي، مەرمر تۆۋرۈكلىرى پارىلداپ تۇرغان، پېشايۋانى ئەگمە سالاسۇنلۇق بۇغرا قاراخان سارىيىغا قاراپ ماڭدى. ساراينىڭ ئىككى تەرىپىگە «دىۋانى مەئمۇر» ①، «دىۋانى ئارىز»، يۇغرۇش بېشى، ھاجىپ، ئاغىچى ئۇلۇغى قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئىشخانىلىرى يانداپ
① دىۋانى مەئمۇر — مەمۇرىي ئىشلار دىۋانى.
سېلىنغانىدى.
بوزاغو ئالتۇن ھالقىلىق ئىشىكنىڭ پېشتىقىغا ھال رەڭ توققۇز تۇغ قادالغان بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيىدىن كۆتۈرۈلۈپ دەھلىزگە كىردى. قاپۇقچى بېشى دوقاقبەگ بىلەن ئۆزۈن تىنچلىق سورىشىپ، ئۇ كۆرسەتكەن يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. دوقاقبەگ ھېجىيىپ ھۆرمەت كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ، بوزاغۇنى ئانچە كۆزگە ئىلمايتتى. قۇماربېكەنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن «باشپاناھسىز» بوزاغۇنى مۇھەممەد ئارسلانخانغا جاندارلىققا تونۇشتۇرغانلىقى ئۇنىڭ تېخى ئېسىدە ئىدى. پەلەك بىر چۆرگۈلەپ بوزاغو يۇغرۇش بېشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقتى. بۇ دوقاقبەگكە ئەلەم قىلغان بولسىمۇ، چاندۇرماي پەيت كۈتمەكتە ئىدى. «ھازىر بۇ تەلەپكە ھە دەپ تۇرۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئايىغىمغا باش قويغۇزماي قويمايمەن!» دېگەن ئويدا بوزاغو بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتۈۋاتاتتى.
— يۇغرۇش بېشى، خاپا كۆرۈنىسىزغۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقسام بولامدىكىن؟ — سورىدى دوقاقبەگ سىپايىلىك بىلەن گەپ ئالماقچى بولۇپ.
— دوقاقبەگ ئاغا، ئۆزلىرىدىن يوشۇرىدىغان قانداق مەخپىيىتىم بولسۇن، — بوزاغو خىرىلداپ كۈلۈپ سېرىق شاپ بۇرۇتىنى تولغاپ قويدى، — بۇ ئانچىلىك بىر ئىش، ئاغا. خەۋەرلىرى بار، سۇلايمان ئارسلانخان ۋەزىرلىرى، يېقىنلىرى بىلەن زىندانغا تاشلانغان بىر ئايدىن بۇيان، ئۇلارنى يوقلاپ كېلىدىغان ئادەملەر ئازايماستىن كۈن ئۆتكەنسېرى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بۇغرا قاراخانىمىز مۇھەممەد ئارسلانخان ئۈچۈن تەھدىت. زىندان بېشىغا يوقلاپ كەلگەنلەرنى كۆرۈشتۈرمەي قايتۇرۇۋېتىش توغرۇلۇق نەچچە قېتىم ئەمر قىلغان بولساممۇ، مەھمۇد تېگىن «يوقلاپ كەلگەنلەر كىم بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا، تەھرىرسىز كۆرۈشتۈرۈڭ، ئاقىۋىتىگە مەن مەسئۇل» دەپ
مېنىڭ ئەمرىمنى بىكار قىلىۋېتىپتۇ. بۇنى زىنداندىكى ئۆزى ئېيتىپ بەردى. شاھزادەنىڭ سۆزىنى رەت قىلالمىدىم، دەپ گۆشىيىپ تۇرسا قانداق قىلغۇلۇق! ئاخىر چاۋاربەگنى كۆز - قۇلاق بولۇشقا ئەۋەتكەنتىم. مەھمۇد تېكىننىڭ زىندان ئالدىغا يىغىلغانلارنى سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ئەمر قىلغانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانلىقى ھەققىدە دەرھال مېنى خەۋەرلەندۈردى. بارسام، كۆرۈشتۈرۈۋاتقانكەن، مەن يوقلاپ كەلگەنلەرنى قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇدۇم. مەھمۇد تېكىن: «سىز شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلىۋاتىسىز، بۇلار كۆرۈشمىسە بولمايدۇ، سىز كېتىڭ!» دەپ غەزەپلەندى. بۇغرا قاراخاننىڭ بۇ نەرسىگە يەنە گەپ قىلىشىنى ئارتۇقچە بىلىپ ئۇدۇل ئوردىغا كېلىشىم، قاراخان ئالىيلىرى سارايدىمۇ؟
— سارايدا، قەيسەربەگ، كەلگەنلەردىن ئالىيلىرىنى ۋاقىپلاندۇراي، — دوقاقبەگ ساراينىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن كۆركەم ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىپ تېزلا يېنىپ چىقتى، — كىرسۇن دەيدۇ، يۇغرۇش بېشى.
بوزاغۇ سەللە ئوراپ، كۈمۈش تۇتۇغات قىستۇرۇلغان بۆكىنى ئۇچلاپ كىيىپ سارايغا كىردى، بارغىنىچە تەخت ئالدىدا تىزىلاندى.
— ئەزىز دەرگاھلىرىدا خىزمەتلىرىدە بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن، ئالىيلىرى.
— ئولتۇرۇڭ، يۇغرۇش بېشى، — غەمگە پېتىپ قالغان مۇھەممەد ئارسلانخان سوغۇق نەزىرى بىلەن تىكىلدى، — ئەل ئىچىدە نېمە گەپ بار؟ سۆزلەڭ.
— ئەل ئىچىدە ئالىيلىرىنىڭ ياخشى گېپى … بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە چىققانلىرىدىن بۇيان ئوردۇكەنت ناھايىتى ئابات بولۇپ كەتتى. ھۈنەرۋەن - كاسىپلار، سودىگەر لاتىپورۇشلار، ھەممە خەلق ئالىيلىرىدىن رازى، ئەمما …»
بوزاغۇ سۆزىنى توختىتىپ ئېھتىيات نەزىرىدە بۇغرا قاراخانغا قاراپ قويدى.
— نېمە ئەممۇ ئۇ؟ — مۇھەممەد ئارسلانخان سەل كۆتۈرۈلۈپ يەنە ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئىچى نېمە ئۈچۈندۇر تىت - تىت بولۇۋاتاتتى.
— ئەمما ئالىملىرى، سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپ لېرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، يېقىنلىرى كۈندە دېگۈدەك زىندانغا كېلىپ تىل بىرىكتۈرمەكتە. بۇ ئالىيلىرىنى ئېھتىراپ قىلمىغانلىق، بۇ ئۆزلىرىگە قىلىنغان تەھدىت! …
— نېمە؟ — مۇھەممەد ئارسلانخان چۆچۈگەندەك بولۇپ كەتتى، — زىندانغا تاشلانغانلارنى يوقلاش شەرىئەتكە خىلاپ ئەمەسقۇ، ئۇلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈۋاتقانلىقى توغرۇلۇق قانداق ئىسپات بار؟
— بۇغراخان ئالىيلىرى، زىنداندىكىلەرنى يوقلاش شەرىئەتكە خىلاپ ئەمەس. ساۋابلىق ئىش. لېكىن، ھازىر ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولدىكى، سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەرنى يوقلاپ كېلىۋاتقانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىلا بولماستىن، بەلكى ئوردىدىكى ئاتاقلىق بايلار، ھۈنەرۋەن كاسىپلار، مەدرىسىلەردىكى بۈگۈ بەگگە، تالىپلار، ھەتتا سىپاھلار، سەرگەردىلەر ئىكەن. باشقا ۋىلايەت - ئايماقلاردىنمۇ يوقلاپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىپتۇ. سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەر ئۇلارنى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئالىيلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا دەۋەت قىلىۋاتىپتۇ، — بوزاغۇ چەكچىيىپ كەتكەن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ غەزەپلىنىۋاتقانلىقىدىن يايراپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئەگەر زىندانغا يوقلاپ كېلىۋاتقانلارنى تىزگىنلىمىسەك، كۆرۈشۈش داۋاملاشسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئالىيلىرى.
بوزاغۇ سۆزدىن توختاپ، تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن قۇماربېكە
بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ «بارلىق چاره - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۇلايمان ئارسلانخاننى ئۆلتۈرۈشكە بۇغرا قاراخاننى ماقۇل كەلتۈرۈڭ، مەنمۇ ئېرىمنى بۇنىڭغا كۆندۈرىمەن» دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى، بوزاغۇ جاۋاب كۈتۈپ تېزلانغىنىچە سۈكۈت قىلدى.
بۇغرا قاراخان ئورنىدىن تۇردى. ساراينىڭ پەردىلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان ئوڭ تەرەپتىكى دەرىزىدىن چار باغقا بىر پەس قاراپ تۇرۇپ، بىردىن غەزەپلىك چاقنىغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى:
— قەيسەربەگ!
— لەببەي ئالىيلىرى.
— يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن زىنداندىكىلەرنى كۆرۈشتۈرۈش ئەتەدىن باشلاپ توختىتىلسۇن!
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى.
— يۇغرۇش بېشى، سىزنىڭ يەنە قانداق مەسلىھەتىڭىز بار؟ — دەپ سورىدى بېشى قاتقان مۇھەممەد ئارسلانخان ئۆزىنى يەنە تەختكە تاشلاپ ئولتۇرۇپ.
— كۆرۈشتۈرۈشنى چەكلەش تەس، ئالىيلىرى. بۇنداق دېگىنىم ئۈچۈن كەچۈرگەيلا.
— نېمە ئۈچۈن؟
— ئۇنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈگەن بوزاغۇ يەرگە باش قويدى:
— شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئالىيلىرى، نەۋرىلىرى مەھمۇد تېگىن ھەر كۈنى زىندانغا كېلىپ، كۆرۈشتۈرۈشكە ئۆزى باشچىلىق قىلماقتا.
— نېمە؟ — مۇھەممەد ئارسلانخان سەل ئېگىشىپ قوللىرىنى بېگىز قىلىپ سورىدى، — سىز ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىڭىزمۇ؟
بوزاغۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ دېدى:
— گەپ قىلدىم، بۇۋامغا ئۆزۈم جاۋاب قىلىمەن، سىز بۇ يەردىن كېتىڭ، دەپ قوغلاندى.
— بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىمەن. يەنە قانداق مەسلىھەتىڭىز بار؟
بوزاغۇ تىزلىنىپ مېڭىپ تەختكە يېقىن كەلدى. ئۇنىڭ بېشى مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قىلىچىنى توغرا قويۇپ قويغان تىزىغا تېگىپلا قالدى.
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، ئەلمىساقتىن بۇ دەمگىچە نۇرغۇن پادىشاھلار ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ تەختكە چىقىش جەريانى بىر قانلىق تارىخ. تەلەيلىلىرى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا قان تۆكمەيلا ئولتۇرغان. بەزىلىرى بولسا جەڭ قىلىش ئارقىلىق تەختنى تارتىۋالغان. بەزىلىرى سۈيىقەست بىلەن تەختكە چىققان. يېقىنقى زاماندىن سۆز ئاچسام، بوۋىلىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىمۇ تاغىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تەختتە ئولتۇرغان. سامانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىلىرى ناسىر بىننى ئەھمەدتىن ئىنىسى ئىسمائىل بىننى ئەھمەد زورلۇق بىلەن تەختنى تارتىۋالغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئۆزلىرىنىڭ تەختنى تارتىۋېلىشلىرىمۇ ئاشۇ تارىخنىڭ داۋامى.
چىرايى ئۆچكەن مۇھەممەد ئارسلانخان ئۆزىگە مۆلۈندەك قادىلىپ تۇرغان بوزاغۇغا ئاچچىقلانغان تەرىزدە دېدى:
— بۇنىڭ بىلەن نېمە دېمەكچىسىز قەيسەربەگ؟
بوزاغۇ تەخت پايىسىغا باش قويدى.
— دېمەكچىمەنكى ئالىيلىرى، سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەرنى كۆزدىن يوقاتماي تۇرۇپ ئەمنىلىككە ئېرىشىشلىرى مۇمكىن ئەمەس. ئويلىنىپ كۆرسىلە خاقانىم.
— ئۇلارنى ئۆچۈقتۇرۇش كېرەك دېمەكچىمۇ سىز، — مۇھەممەد ئارسلانخان چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. ئۆتۈكىنىڭ نالىسى بوزاغۇنىڭ بېشىدىكى كۈمۈش دۇبۇلغىغا تېگىپ، ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى. قورقۇپ كەتكەن بوزاغۇ لاغ-لاغ تىترەپ كېتىپ تىزلىنىپ كەينىچە مېڭىپ، تەختتىن ئۈچ قەدەم نېرىدا يەرگە بېشىنى قويدى:
— ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغان بولسام، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىكەيلا، ئالىيلىرى.
تەختتىن چۈشكەن مۇھەممەد ئارسلانخان يېرىم سوغارغان قىلىچىنى غىلاپىغا يەنە كىرگۈزۈۋەتتى.
— سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئاكام ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
— بىلمەيدىغان ئالىيلىرى، بىلىمەن.
— بەگىيۈسۈپنىڭ ئەلگە مەشھۇر سىياسەتچى، بۈگۈ بىلگە، شائىر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدىغانسىز؟
— ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى.
— ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش — مەملىكەتنى قانغا غەرق قىلىش دېمەكتۇر.
— ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىكمۇ تەختنى ئوت ئۈستىدە قويۇپ ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر. بۇ ئوت ئۆچۈرۈلمىسە، ئاقىۋەت كۆيۈپ كۈل بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، ئالىيلىرى، — دېدى ئۆزىنىڭ سۆزىگە مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بوزاغۇ.
مۇھەممەد ئارسلانخان تەختتىن تولۇق ئايرىلىپ كەتكەن بوم ساقىلىنى سىلاپ — سىلاپ، ساراينىڭ سول تەرىپىدىكى دېرىزە يېنىغا بېرىپ، خىيالچان نەزىرىنى سىرتقا قاراتتى. «يۇغرۇش باشلىق ئېيتقانلىرى خاتامۇ ئەمەس، ئاكام ھاياتلا بولىدىكەن ماڭا ئامانلىق يوق. ئۇ بىر بۈگۈ بىلگە، قان تۆكۈشنى خالىمايدىغان پادىشاھ، ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشقا پېتىنالمايمەن… تەڭرىم، قانداق قىلاي؟… ئۆزۈڭ يول كۆرسەت…».
تونۇق قارغىنىڭ «قاق — قاق» قىلغان ئاۋازى ئۇنىڭ چېچىلغان خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇ بىر قارارغا كېلەلمىدى.
— قەيسەربەگ، بۇ مۈشكۈللۈك ئادەتتىكى مۈشكۈللۈك ئەمەس، مەن يەنە ئويلىناي، سىزمۇ ياخشىراق چارە — تەدبىر ئۈستىدە ئويلىنىڭ. چىقىپ كۆل بويىدىكى سوۋادانغا قونۇپ قاقىلدايدىغان قارغىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن قارغىلارنى چار باغقا يولاتماسلىق توغرىسىدا باغۋەنلەرگە تاپىلاپ
قويۇق، دېدى ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ.
باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، بوزاغونىڭ قېپىدىن چىققان يۈرەكلىك جايىغا چۈشتى.
سىز چىقىپ مەھمۇد تېگىننىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، دەرھال ئالدىمغا كېلىسۇن!
خوپ، ئالىيلىرى، بوزاغو كۈمۈش ئوتۇغاتنى يەردىن ئالدى دە، كەينىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى.
مەھمۇد تېگىن كىرگەندە، مۇھەممەد ئارسلانخان ئىككى قولى بىلەن چىكىسىنى تۇتۇپ، كۆزىنى يۇمغان پېتى تەختتە ئولتۇراتتى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇۋا، چاقىرتىقان ئىكەنلا، كەلدىم.
مۇھەممەد ئارسلانخان بېشىنى كۆتۈرۈپ سوغۇق نەزەر تاشلىدى. ئۈستىگە بەقەسەم تون كىيىپ، يۇللۇق شاھى بەلباغ باغلىغان مەھمۇد تېگىننىڭ سەللىسىگە ئالتۇن ئوتۇغات قادالغانىدى. چىرايى غەمكىن بولۇپ، قارا كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇراتتى.
ھە، ئولتۇرۇڭ.
خاننىڭ بۇ چاغقىچە «سەن»، «سىلى» دەپ ئەزىلەپ كەلگەن نەۋرىسىنى «سىز» دەپ سۆزلىشى بىرىنچى قېتىم ئىدى.
ئۇ توساتتىن سورىدى.
سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
ئوتتۇز ئۈچكە.
دېمەك، سىز ئەمدى ياش يىگىت ئەمەس، ئەقىل پاراسەتتە يېتىك بۈگۈ بىلگەسىز. كىتاب يېزىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، دۆلەتكە، خەلققە كۆڭۈل بۆلەي دەۋاتىسىز. سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەرگە قانات يېيىپ كېلىۋاتىسىز. دوست دۈشمەننى پەرقلەندۈرىسىز. كىتابىلا يېزىسىز. دىۋان بېشى بولۇشنىمۇ رەت قىلدىڭىز، سىزدە ۋىجدان، غۇرۇر بارمۇ زادى؟ مۇھەممەد ئارسلانخان
ئاچچىقلانغىنىدىن ئورنىدىن بىر تۇرۇپ يەنە ئولتۇردى.
بۇغىنىڭ ھەمىشە ئەتۋارلىشىپ ئېرىشىپ كەلگەن مەھمۇد تېگىن بۇ يېپىشلىق سەۋەبىنى بىلگەچكە خاپا بولۇپ كەتتى. ئۇ قوللىرىنى كۆكسىدىن چۈشۈرمەي جاۋاب بەردى:
— خاقان بۇۋا، كىچىكىمدىن ئۆز تەربىيەلىرىدە بولۇپ كېلىۋاتقىنىمدىن مىننەتدارمەن. ئەمما، بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان بۇۋامدىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى زىندانغا بەند قىلغانلىرىغا نارازىلىق قىلىشنى ئاللا ئېگەم كۆڭلۈمگە سالغاندۇر. شۇڭا، دىۋان بېشى بولۇشنى رەت قىلىشتا ئۆزۈمنى ھەقلىق سانايىمەن. كىتابقا بېرىلىشىم ئەلگە بەخت — سائادەت ئىزدەش ئۈچۈندۇر. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بەندىلەرگە تەقرىم پەرىز قىلغان بىلىم ئىگىلەش بىلەن خەلقىم مۇراد تاپالايدۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەلھال، قاراخانىيلار ئېلى ئەنسىزلىك ئىچىدە قالدى، بۇ سىلىگە مەلۇم، بۇۋا. ئېلىمىزگە خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق بېغىشلاش ئۈچۈن، سۇلايمان ئارسلانخان بۇۋامنى، بەگىيۈسۈپ ئاغامنى، ئۇستاز ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ قاتارلىق بۈگۈ بىلگىلەرنى دەرھال زىنداندىن چىقىرىپ قويۇپ بېرىشكە ئەمر قىلىشلىرىنى سورايمەن، مانا مېنىڭ غۇرۇرۇم، ۋىجدانىم شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.
مۇھەممەد ئارسلانخان غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇردى.
— ئۆز بالامدىن چارە كۆرۈپ، تەربىيەلەپ چوڭ قىلسام، ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ ھەرقانچە كىشى قارا بۈگۈ بىلگە بولۇپ كەتسىمۇ، سەن مېنىڭ نەۋرەم. نېمە دېسەم شۇنى قىلىشىڭ، ئەمرىمگە بويسۇنۇشۇڭ كېرەك! دۈشمەنلىرىمگە يان باسقانلىقىڭ ماڭا دۈشمەنلىك قىلغىنىڭ ئەمەسمۇ؟ بۇنى بىلمەمسەن؟!
مەھمۇد تېگىن قىلىچىنىڭ سېپىنى تۇتۇپ غەزەپلىنىپ تۇرغان بۇغىغا ئۇدۇل قاراپ جاۋاب بەردى:
— راست، مەن ئالىيلارنىڭ نەۋرىسى، ئەمما سىلىنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەمەس، ئاللانىڭ ئەمرىگە بويسۇنىمەن. سىلىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئاللانىڭ شەرىئىتىگە خىلاپ. مەن دۈشمەنگە يان باسمىدىم، بەلكى ئاللا ئېگەم مېنى ھەققىقەت تەرەپتە تۇرغۇزدى.
— بولدى بەس! ئاچچىق گەپلىرىڭنى ئاڭلىغۇم يوق. چىقىپ كەت، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما! — دېدى مۇھەممەد ئارسلانخان قوللىرى بىلەن ئىشىكنى كۆرسىتىپ ۋارقىراپ.
— بوۋا، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، قارا نىيەت ئاسىيلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، ئېلىنى نارازى قىلىدىغان بىدئەت ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ، خوش! … — مەھمۇد تېگىن ئېتتىك چىقىپ كەتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولۇپ، ئاساسىدا ئولتۇرۇپ قالدى، چىرايى غەلىتە بولۇپ كەتتى، پۈتۈن ئەزايىغا غەزەپ تىترەكلىرى ئۇلاشتى. ئۇ تەڭلىكتە قالغانىدى.
ئىككىنچى باب: زىنداندا يانغان ئۈمىد مەشئىلى
1
تەختلىكتە قالغان مۇھەممەد ئارسلانخان مەھمۇد تېگىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ تەختتە ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ قالدى.
— ئالىيلىرى، زاۋال ۋاقتى بولدى، ھەرەمگە قايتامدىلا ياكى يەنە بىرئاز تەخىر قىلامدىلا؟ خىزمەتلىرىگە تەييارمەن، — دېدى قول قاۋۇشتۇرۇپ كىرگەن دوقاقبەگ تەختتىن سەل نېرىدا ئېگىلىپ تۇرۇپ.
— ھە، كېچە كىرىپ قالدىمۇ قاپۇغچى بېشى، سىزنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن — دە، — مۇھەممەد ئارسلانخان تەختتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ يېنىدا توختىدى.
— يوقسۇ، ئالىيلىرى، ھەزرەتلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش يېقىر قوللىرى ئۈچۈن ئامەت، — ئىككى پۈكلىنىپ تەزىم قىلدى دوقاقبەگ.
— سىزدىن مۇھىم بىر ئىش توغرۇلۇق مەسلىھەت ئالماقچىمەن، قاپۇغچى بېشى. ماڭمۇ، قارشى تەرەپكىمۇ يان باسماي مەسلىھەت بېرىشىڭىز كېرەك.
— بېشىم بىلەن، ئالىيلىرى، خالىس مەسلىھەت بەرمىسەم قارا يۈز بولۇپ كېتەي، — دېدى دوقاقبەگ سەگەك تۇرۇپ.
مۇھەممەد ئارسلانخان دېدى:
— ئاكام سۇلايمان ئارسلانخان، بەگتۈزۈپ، يەنە كۆپلىگەن بۈگۈ بەگ، سانغۇن، سەرگەردىلەر زىندانغا تاشلاندى. ئۇلارغا
قانداق جازا بېرىش كېرەك؟ كۆڭلىڭىزدىكىنى ئېيتىپ بېقىڭ. — خاقانىم، ئۇلارغا قانداق جازا بەرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر؟ — دوستلۇق بىلەن ئونىڭ مۇددىئاسىنى بىلمەكچى بولۇپ ياندۇرۇپ سورىدى دوقاقبەگ، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ. — ئۇلارنى ھايات قالدۇرسام، تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرالمايمەن، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلسام ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن، — دېدى مۇھەممەد ئارسلانخان ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن. دوقاقبەگكە بۇ جاۋابتىن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئارسالدى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ دېدى: — ئوبدان ئويلاپلا شاھىم، مېنىڭچە ئۇلارنى ئۆلتۈرسىلە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئۆلتۈرمىسىلە، تاجاۋۇزچىلارگە خەۋپ يېتىشىمۇ ناتايىن، چۈنكى شۇنچە نۇرغۇن سىپاھلىرى بار، قوللايدىغان دوست — بۇرادەرلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېلىدىغان كېيىنكى خەۋپتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن كېلىدىغان بالايىئاپەت تېخىمۇ زور، ئالىيلىرى، ئۇلارنى ئۆچۈقتۇرۇۋېتىش تەختلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. — قەيسەربەگمو مۇشۇ مەسلىھەتنى بەرگەنىدى، مەن يەنە ئويلىنىپ، ئاندىن بىر قارارغا كېلەي. مۇھەممەد ئارسلانخان ھەرەم ھويلىسىغا كىرگەندە شامغا ئەزان ئېيتىلدى. تام — تۈۋرۈكلەرگە ئورنىتىلغان قەندىللەردىكى شام — چىراغلار ئەتراپنى چاقنىتىپ يانماقتا. ئون ئىككى — ئون ئۈچ كۈنلۈك ئايمۇ بۇلۇتسىز كۆكتە نۇر چاچماقتا. مۇھەممەد ئارسلانخان مۇلازىملىرىنى ئىشىكتە قالدۇرۇپ، قۇماربېكەنىڭ قەسرىگە قاراپ ماڭدى. دېرىزىدىن قاراپ تۇرغان خانىش تېزلىمە ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزلەشتۈرۈپ ئالدىغا چىقتى. — ئەسسالام شاھىنشاھىم، — ناز بىلەن يەرگىچە ئېگىلىپ
سالام بەردى، يوللىرىغا بەكمۇ تەلمۈرتۈۋەتتىلە.
ئابىنچۇ خاتۇن، بۇ كېچە پەقەت سىزنى دەپلا كەلدىم.
بولمىسا كەلمەيتتىلىمۇ؟ قۇماربىكە كۆك كۆزلىرىدىن يېشىل ئۇچقۇن چاچرىتىپ نازلاندى، ھە، بىلدىم، ئەردەنى ئالتۇن تارىمغا ھەمراھ بولماقچى … ئۇ جۇۋان ئالىيلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟ قۇماربىكە سۆزلىگىنىچە مۇھەممەد ئارسلانخاننى ئازادە ئۆيگە ئېلىپ كىردى، تونىنى سالدۇرۇپ، ئالتۇن كەمەر، سەللە تاجىنى ئالدى.
نېمە دەۋاتىسىز، ئابىنچۇ خاتۇن؟ مۇھەممەد ئارسلانخان يانتۇ بولۇپ يەرگە قارىۋالغان قۇماربىكىنىڭ ھېلىھەم رومالنى يېپىپ تۇرغان يەلكىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى، ئەردەنىنىڭ ئوردىكەنتكە كېلىپلا ئەتىسى ئوپال غازىق كېنتىدىكى چار باغقا كەتكىنىدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟
قانداق خەۋىرىم بولسۇن خاقانىم، ئۇ كاتتا خانىشلىرى بارسا تۇرسا ماڭا دەپمۇ قويمايدۇ.
قۇماربىكە ئالتۇن ئۇتۇغات قادالغان مەرۋايىت دوپپىسىنى سەل ئارقىغا سۈرۈپ، بېشىنى ئېرىنىڭ كۆكسىگە قويدى.
سىز، بەكمۇ ئەجەب بىر كۈنچى ئىكەنسىز، مەن نېمە كۇيدا، سىز نېمە كۇيدا. چاپسان بولۇڭ، قورسىقىم ئاچقاندەك قىلىدۇ، داستىخان سېلىڭ.
مەن سىزگە ۋاپادار خوتۇن بولۇش كۇيىدا. ئالىيلىرىنىڭ نېمە كۇيدا ئىكەنلىكىنى خۇدا بىلىدۇ. ئولتۇرۇسلا خاقانىم، قۇماربىكە مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بازغاندەك كۈچلۈك قوللىرىنى تۇتۇپ ئۈچ قات سېلىنغان يەكتەنداز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزدى. كېنىزەككە ئاپتۇۋا چىلاپچا ئەكەلدۈرۈپ قولىغا سۇ بەردى، داستىخان سېلىپ كېنىزەكلەر ئېلىپ كىرگەن قەنت گۆزەك، تاماقتىن ئالدىغا قويدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان بىر پارچە شىرمەنناننى خۇشبۇي
دەملەنگەن چاي بىلەن يەپ، كاۋاپ قىلىنغان بۆدۈنە گۆشىگە قول ئۇزارتتى. ئارقىدىن ئولار، قىرغاۋۇل گۆشى بېسىلغان پولونى يېدى، كارتىدا بىرنى كېكىرىپ قۇماربېككە ئۇزارتقان كۈمۈش جامنى قولىغا ئالدى.
— تاماقلار ئوخشاپتۇ، بەكە، ئۇنىڭ لەززىتىدىن ئىشتىھايىم ئېچىلىپ كەتتى.
— شاھىنشاھىم، بۇ تاماقلارنى ئۆز قولۇم بىلەن ئەتكەن.
— شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشىغانكەن دە، — خىرىلداپ كۈلدى مۇھەممەد ئارسلانخان.
قۇماربېككە ئۆزىنىڭ كۆزۈپچە ھەممە ئىشلارنى ئۆزى قىلاتتى، شۇڭا مۆرىتى كەلگەندە ماختىنىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇمايتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان جامنى تۇتقىنىچە خىيالغا چۆكتى: «قانداق قىلسام بولار؟ ئۇلارنى ئۆلتۈرگىنىم پايدىلىقمۇ، ھايات قالدۇرغىنىممۇ؟ قەيسەربەگ، دوقاقبەگلەر، ئەگەر ئۇلار ئۆلتۈرۈلمىسە تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىغانلىقىمنى ئوچۇق ئېيتتى. بۇ راست، ئۇلار ھايات بولىدىكەن، مېنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ، تەختتىن چۈشسەم كاللالمۇ كېتىدۇ. نەپرەم مەھمۇد تېگىن ئۇلارنى زىنداندىن چىقىرىپ، قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى، قېرىنداشلىق مېھرى ئۇنى شۇ نىيەتكە كەلتۈرگەن. ماڭا نىسبەتەن كۆڭلىدە يامانلىق يوق، بۈگۈنكىدەك ھەممىسى قان تۆكۈشنى خالىمايدۇ. شۇ تۆپىلىدىن مەھمۇد تېگىنمۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە تارتىپ كەلدى. بولمىسا ناھايىتى زېرەك، بۇغرا قاراخان بولۇپ ئەلنى سورىغۇدەك پاساھىتى، جاسارىتى بار …»
— شاھىنشاھىم، باشقا ئالەمگە كېتىپ قالغاندەك شۈك بولۇپ كەتتىلى يا، يانلىرىدا مەن بار جۇمۇ! — قۇماربېكنىڭ چاڭىلداق ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى.
— نېمە دېدىڭىز، بەكە؟ — غودۇڭشىدى قۇماربېكنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمىگەن مۇھەممەد ئارسلانخان، — مۇشۇ
كۆنلەردە بېشىمنىڭ ئىچىمۇ - تېشىمۇ قاتتى.
-
شاھىنشاھىم، تەنلىرى بۇ ئۆيدە بولغان بىلەن كۆڭۈللىرى نازىنىنلارنىڭ يېنىغا كەتكەندەك قىلىدۇ، شۇڭا باشلىرىنىڭ ئىچىمۇ - تېشىمۇ قاتقان گەپ. شۇنداق ئەمەسمۇيا؟ قوللىرىدىكىنى ئىچىۋەتسىلە، سەگىپ قالىلا، - دېدى قۇماربىكە ئۇنىڭ گەردىنىنى سىلاپ.
-
ئابىنچۇ خاتۇن، سىزنى ناھايىتى ھوشيار دەپ بىلەتتىم، نېمە بولدىڭىز؟ كاللا دېسەم، پاقالچاق دەيسىزغۇ؟ - مۇھەممەد ئارسلانخان جامنى بوشاتتى.
-
مەنمۇ ئالىيلىرىنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن. بۇغرا قاراخان بولدىلا، دۇنيادا سىلىدىن چوڭ، قۇدرەتلىك غەيۇر پادىشاھ يوق. ئەتراپلىرىدا ھەممە كىشى پىرمانبەردار، شۇنداق تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن باشلىرىنىڭ ئىچىمۇ - تېشىمۇ قاتىدۇ؟ - دېدى قۇماربىكە ئۆزىنى ھېچنېمىنى بىلمەسكە سېلىپ.
-
ھەي ئابىنچۇ خاتۇن، ئابىنچۇ خاتۇن! بۇغرا قاراخان بولۇپ تاغدەك غەمنى يۈدۈۋالغىنىمنى ئەمدى بىلىۋاتامسەن، ئۆزۈمنى قىسقۇنچىلىقتا قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، - دېدى قۇماربىكەنىڭ تىزىغا قولىنى قويغان مۇھەممەد ئارسلانخان.
-
شاھىنشاھىم، مەن يەنە چۈشىنەلمىدىم، بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ - قۇماربىكە شەھلا كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، بوشىغان جامغا مەيزاپ قويدى.
-
ئاكام سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەرنى زىندانغا سالغىنىم سىزگە ئايان، بىكە. بۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرى مەندىن نارازى، بىرلىرى كۆزۈمنى ئويماقچى، بىرلىرى تىلىمنى كەسمەكچى …
قۇماربىكەنىڭ تەرگەن ئىنچىكە قاشلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىككى قولىنى ئېرىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ:
- ئۇلارنى تېخىچە زىنداندىن قويۇۋەتمىگەنمۇ شاھىم؟ مەن تېخى ئاكام بوشاتقاندىكىن قويۇۋەتكەن بولسا كېرەك، دەپ
ئويلاپتىمەن، دېدى ئۆزىنى ساددا كۆرسىتىپ.
«ئەجەب ئاق كۆڭۈل خانىش دە!» دەپ سۆيۈنگەن مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇنى باغرىغا تارتتى. ئۇنىڭ كەيپى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى.
بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئابىنچۇ خاتۇن؟ ئاكامنى قويۇپ بەرسەم، بۇغرا قاراخانلىق تەختىنى تارتىۋالماي قالارمۇ؟ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەر جايدا ئېلىكخان، سەرگەردە تۇرسا، ئۇلارنى ماڭا قارشى ئاتلاندۇرماسمۇ؟ ئەلھال، زىنداندىكىلەرنى يوقلاپ كېلىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ ئېمىش، بۇ تەختىمگە، شان شەرىپىمگە تەھدىت!
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ كەيپى مەجلىسى بىردىنلا تۈگىدى.
شاھىنشاھىم، مېنى كەچۈرسىلە، ساددىلىقىمدىن باشقىچە ئويلاپ قاپتىمەن. ئەھۋال سىلى ئېيتقاندەك بولسا، نېمىشقا ئۇلارنى زىنداندا ساقلايدىلا؟
ساقلىماي قانداق قىلسام بولاتتى، ئېيتىڭچۇ پەرىشتەم؟ مۇھەممەد ئارسلانخان خوتۇنىنىڭ بېلىدىن قاماللاپ كۆتۈرۈپ، يۈزىنى يۈزىگە ئۇدۇل قىلدى.
ئۇلارنى جاللاتنىڭ قولىغا تاپشۇرۇسلا، شاھىم.
ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلالمايمەن!
قۇماربېكە جامغا تولدۇرۇپ مەي زاپ قويۇۋېتىپ دېدى:
شاھىم، ئاكىلىرىنى جاللاتقا تاپشۇرمىسلا ئو سىلىنى جاللاتقا تاپشۇرماي قويارمۇ؟ باياتىن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ ساددىلىقىمدىن ئۆكۈنۈۋاتىمەن. مەنچە بولسا ئاكىلىرى ئۆزلىرىگە پەرمانبەردار بولۇپ، سۈيىقەست بىلەن شۇغۇللانمىسا ئۆلتۈرمىسلىمۇ بولاتتى.
قۇماربېكە جامنى سۇندى، مۇھەممەد ئارسلانخان جامنى بىر كۆتۈرۈپلا بوشاتتى، ئاندىن بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ كەتتى. قۇماربېكە ئېرىنىڭ بويۇن باشلىرىنى سىلاپ «تولىمۇ كالۋا پادىشاھ دە، سەن! مەن ساڭا خوتۇن بولۇپلا تۇرسام،
كۆرگۈلۈكىنى كۆرسەت تېخى …» دەپ ئۇنىڭ تۆرۈلگەن پېشانىسىگە نوقۇپ قويدى.
— شاراب، — دېدى قولىنى ئوزىتىپ مۇھەممەد ئارسلانخان. قۇماربېكە پىيالىگە مەجۇن سالغان چاينى قويۇپ بەردى.
— شاھىنشاھىم، كۆپ ئويلىنىپ سالامەتلىكلىرىگە زىيان يەتكۈزۈۋالمىسىلا، ھېلىمۇ بۇغرا قاراخان بولغاندىن بېرى ياداپ كەتتىلە. ئالىيلىرىغا مەسلىھەتىم شۇكى، ھۆكۈمدە كەسكىن، دۈشمەنگە رەھىمسىز بولماقلىرى زۆرۈر. كەسكىن، رەھىمسىز بولمىغان شاھ، تەختتە ئۇزاق ئولتۇرالمايدۇ، تەخت دۈشمەننى يوقاتقاندىلا مۇستەھكەملىنىدۇ، ئۆرۈلمەيدۇ.
زەپەراننىڭ خۇشبۇيى كېلىپ تۇرغان چاينى سۈمۈرۈپ — سۈمۈرۈپ ئىچكەن مۇھەممەد ئارسلانخان پىيالىنى تامغا ئۇردى.
— مەن كەسكىن، رەھىمسىز بولىمەن، ئابىنچۇ خاتۇن. مەن تەختتە يۈز ياشقىچە ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئوغلۇمغا ئۆتۈنۈپ بېرىمەن!
چۆچۈپ كەتكەن قۇماربېكە ئېرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
— يۈز ياشقا ئەمەس، مىڭ ياشقا كىرگەيلا شاھىم، تەختنى قايسى ئوغۇللىرىغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇلا؟
— ھۈسەيىن ئارسلانخانغا، — مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇنىڭ قوچقىغا باش قويدى.
— ياق شاھىم، ئىبراھىم تېگىنگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇلا.
مۆگدەپ قالغان مۇھەممەد ئارسلانخان قۇماربېكىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. ئۇ مەستلىكتە ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
2
چاھ ئىچىگە غۇۋا يورۇق چۈشتى. پاخال ئۈستىدە خىيالچان ئولتۇرغان بەگىيۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قارىدى. تانغا
باغلانغان ئۆرىك چۆشۈۋاتاتتى، جۇغىسىدىن سۇ تۆكۈلۈۋاتاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆرىكنى تۇتۇۋالدى. تانا يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى.
— رەھمەت بەردىبەگ، — ئۇنىڭ تىترەپ چىققان ئاۋازى چاھ ئۈستىگە ئاڭلاندى.
— ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، يۇغرۇش بېشى.
چاھ ئۈستىدىكى كۆلەڭگە غايىب بولدى، ئەمما چاھ ئاغزى ئېتىلمىدى.
بەگىيۈسۈپ تاھارەت ئالدى، تونىنى جايناماز قىلىپ بامدات نامىزىنى ئۆتۈدى، ئۇزاققىچە دۇئا قىلدى، چاھ ئاغزىدا ئالقانچىلىك شولا پەيدا بولغاندا ئورنىدىن تۇردى. شولا خۇددى توپتەك دومىلاپ، ئاستا ئاستا بەگىيۈسۈپنىڭ بېشىغا، مۈرىسىگە، ئاندىن ئۆسكىلەڭ ساقىلى يېپىۋالغان مەيدىسىگە چۈشتى، ئۇ شولا چۈشكەن باغرىنى سىلاپ: «يورۇقلۇق يورۇقلۇق، سەن نېمانچە ئۇلۇغدۇرسەن، تەڭرىم سېنى زۇلمەتنى يوق قىلغۇچى ئەڭ يۈكسەك نېمەت قىلىپ بەندىلىرىگە بېرىۋەتكەن. ئادەملەر ئەجەب قىلماي، پۇل خەجلىمەي ساڭا ئېرىشىپ كېلىمەكتە، ئەمما قەدرىڭگە يەتكىنى يوق، زۇلمەتتە قالغان چاغدىلا قەدرىڭگە يېتىدۇ …» دېدى ئىچىدە.
بەگىيۈسۈپ چاھ ئاغزىغا قاراپ ئېقىشىپ تۇرغان ئاقبىراننى كۆردى، يېنىدا بەگتۈرمىشمۇ بار ئىدى.
— ئەسسالام ئەلەيكۇم، ساق تۇرغانلا؟ — ئۇنىڭ يىغلامسىرىغاندەك چىققان ھەسرەتلىك ئاۋازى بەگىيۈسۈپنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئانىسى، ئاپام، ئۇرۇق تۇغقانلار تىنچ ئامانمۇ؟ — دېدى باغرى تارتىشىپ ئەھۋال سوراپ. ئۇنىڭ تىكىلگەن ياشلىق كۆزىدە قەدىناسىنىڭ مۆڭلۈك چىرايى ئەكس ئەتتى.
— ئاپام ئوبدان تۇردى، بىللە بارىمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ، ئۆيدە
44
قىلىشقا ئاران ئوناتتىم. سىلىنى كۆرسىلا چىدىيالمايدۇ، تولا يىغلاپ ئاغرىپ قالىدىكەن، شۇڭا ئېلىپ كەلمىدىم. بۈۋىسائىشە قىزىم سۈتۈق بۇغرانى ئېلىپ كەتكەنچە كېلىپ قالارمىكىن، ئاقىبەت سۆزلىگىچە تانغا چىگىلگەن سۆھەتتە تاماق، چاي چۈشۈردى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئابا! بەگتۈرمىش توۋلاپ ئاتىسىدىن ھال سورىدى.
تۈنۈگۈن ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن كەلگەندەك، بۈگۈن كەلمىسەڭمۇ بولاتتى، بالام. بىر سائەت دەرستىن قالساڭ بىر ھىجر تىللادىن قۇرۇق قالغان بولسەن، دېدى بەگىيۈسۈپ ئېگىشكەن ئوغلۇغا بويۇنداپ قاراپ.
دىدار غەنىيمەت، ئاتا. ئۆزلىرىنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈش پېقىر ئوغۇللىرى ئۈچۈن بىر خەزىنە ئېرىشكەن بىلەن باراۋەر.
بەگىيۈسۈپ كۆز يېشىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يانغا قارىۋالدى. ئانچە ئۆتمەي چاھ ئۈستىگە يەنە باققاندا، باشقا بىر سىيمانى كۆرۈپ ئەجەبلەندى.
ئەسسالام، بەگىيۈسۈپ ئاكا، دەپ سالام بەردى. ئۇنى شۇنچە مۆلۈك، يېقىملىق ئۈنى، چىرايىمۇ شۇنچە تونۇش ئىدى.
بەگىيۈسۈپنىڭ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللار ئىلگىرى قەشقەرگە كەلگەن چاغلىرى ئېسىگە چۈشتى. بۇ ساھىبجامال ئايغى ئاستىغا ياقىلىق تاشلانغان ئاشۇ لەۋەن قىز ئىدى. «نېمىدېگەن ۋاپادار، پەزىلەتلىك قىز ھە، ئاللا ئونىڭغا رەھمەت قىلسۇن…» ئۇ شو چاغدىن مۇشۇ دەمگىچە ئايال ئېمچى بولۇپ نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالىغانىدى. ياتلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن پەرىزەت كۆرمىگەن بولسىمۇ، يۈزلەنگەن بالىلارنى تۇغدۇرۇپ كىندىك ئانا بولۇپ كېلىۋاتاتتى. بەگىيۈسۈپ قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى بۇ ئېمچى قىز چىرايىنى ئونىڭغا كۆرسەتمىگەندى، مانا بۈگۈن زىندانغا كېلىپ كۆرسەتتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دىلدار ئاغىچا خېنىم، يوقلاپ كەلگىنىڭىز ماڭا ئۈمىد، دىدارىڭىز جاسارەت بېغىشلىدى.
— مەنمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن كەلدىم، بەگىيۈسۈپ ئاكا. زىندان دېگەننى — نى شىرى غەرراننىڭ بېلىنى ئېگىشتۈرۈپتۇ. چىدام — غەيرەت قامىتىڭىزنى تاغدەك بەردەم قىلغاي، — ئۇ بىر خۇمرا گۈلقەنتنى چاھقا چۈشۈردى، — بۇنى ئۆزۈم تەييارلىغان، ھەر كۈنى ئەتىگەن — كەچتە يەپ تۇرىسىز.
— رەھمەت، كۆپ رەھمەت، سىڭلىم، سىزگە تەڭرىمدىن بەخت تىلەيمەن.
بەگىيۈسۈپ چاھقا چۈشكەن ئاچچىق ئايسىلىق ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن كۆرۈشتى. ئاندىن خوتۇنى، ئوغلى ھەم دىلدار ئاغىچا خېنىم بىلەن خوشلىشىپ، چاغ ئاغزىغا تىكىلگىنىچە قالدى …
ئەگەر زىندانبېگى باغرى يۇمشاق، ياخشى نىيەتلىك كىشى بولماي، قارا كۆڭۈل، ئاچ كۆز ئادەم بولسا، بەگىيۈسۈپ بۇنداق شېرىن تائاملارغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، خوتۇن — بالىلىرى، يار — بۇرادەرلىرىنىڭ دىدارىنىمۇ كۆرەلمىگەن بولاتتى. تىل ئىشتىپ، دەشنەم يەپ، ئۇرۇلۇپ — سوقۇلۇپ، تېنى ئاجىزلاپ، روھى چۈشۈپ كېتەتتى، ئازابلىناتتى، خورلىناتتى. بەختكە زىندانبېگى بەردىبەگ ياخشى ئادەم بولغاچقا، مەھمۇد تېگىننىڭ سۆزىگە كىرىپ، بەگىيۈسۈپكىلا ئەمەس، زىندانغا تاشلانغان بارلىق مەھبۇسلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلدى، كۆرۈشمىلا دېگەن كىشى بىلەن كۆرۈشتۈردى. بوزاغۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمىدى …
بەگىيۈسۈپ بالىچاقىلىرى، يار — دوستلىرى، تونۇش بولغان — بولمىغان يۇرتداشلىرىنىڭ يوقلاپ، خەيرخاھلىق قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قاراڭغۇ، تار، زەي چاھ ئىچىدىمۇ روھسىزلانماي كۆڭلىنى ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. «مەن بۇ يەردە زۇلمەتنى كۆردۈم، بۇرۇن كۆرگىنىم كېچىنىڭ
قاراڭغۇلۇقى بولسا، زىنداندا كۆرگىنىم كۈندۈزنىڭ قاراڭغۇلۇقى بولدى. كۈندۈزنىڭ قاراڭغۇلۇقى بەك ئازابلىق، ھەسرەتلىك بولىدىكەن، زىندانغا چۈشمىگەن بولسام بۇ ھەقىقەتنى بىلمىگەن بولاتتىم…»
— بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى، بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى! — دەپ توۋلانغان ئاۋاز ئۇنى خىيالدىن ئۆزىگە كەلتۈردى. يۇقىرىغا قاراپ بىر شوتىنىڭ چاھ ئىچىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
— نېمە گەپ، زىندانبېگى؟ — سورىدى ئۇ يۇقىرىغا قاراپ.
— چاھدىن چىقىسلا، جاناپلىرى.
بەگىيۈسۈپ قۇلاقلىرىغا تازا ئىشىنەلمەي تۇرۇۋەردى.
— شوتا بىلەن چاھتىن چىقىسلا، — دېگەن ئاۋاز تەكرار ئاڭلاندى.
بەگىيۈسۈپ ئۈچ غۇلاچ كېلىدىغان شوتا بىلەن چاھتىن چىقتى. كۈن نۇرى كۆزىنى چاقىپ، بېشى ئايلانغاندەك بولدى، ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى، يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن پۇتلىرىنى كېرىپ يەرگە چىڭ دەسسىۋالدى. بىردەمدىن كېيىن ئەسلىگە كەلدى. چاھتىن سەل نېرىدا كىمخاب تون كىيگەن بوزاغۇ گىدىيىپ تۇراتتى.
— ئوھوي، بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسىز؟ — دەپ سورىدى ئۇ مەسخىرە قىلغان تەرزدە ئۇنىڭ بوينىدىكى تاقاق، قولىدىكى زەنجىرگە ئىما قىلىپ.
— ئەلھەمدۇلىللا، ئوبدان تۇردۇم، — بەگىيۈسۈپ مەنىسىزلىكتەك قوللىرىدىكى زەنجىرنى شاراقتىتىپ قويدى.
— زىنداندا ئوبدان تۇردۇم، دېگەن كىشىنى ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم ئۇچرىتىشىم، ھا ھا ھا … — كۈلدى بوزاغۇ.
— ياخشى نىيەتلىك، غۇرۇرلۇق كىشىلەر ھەرقانداق جايدا ۋىجدان ئازابىدىن ساقلىنالايدۇ، قەدىر قىممىتىنى تۆكمەي ياخشى تۇرالايدۇ. ئالا كۆڭۈل كىشىلەر تەخت ئۈستىدىمۇ
خاتىرجەم بولالمايدۇ، يوغروش بېشى. بوزاغۇ ئۈندى. — شۇنداقمۇ، بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىشكە ھەپسىلەم يوق. سىزنى بۇغرا قاراخان ئۆزى سوراق قىلماقچى، يۈرۈڭ، — دېدى ئۇ توڭلۇق بىلەن. بەگىيۈسۈپ ئاتقا مىنگەن بوزاغۇغا قارىدى: — ماڭا ئات قېنى، بەگ! — سىز پىيادە بارىسىز. — نېمە ئۈچۈن؟ — گۇناھكار بولغىنىڭىز ئۈچۈن. — مەن گۇناھكار ئەمەس، بەگ، ئەگەر ماڭا ئات كەلتۈرمىسەڭلار ئورداغا بارمايمەن. — بارىسىز! — ياساۋۇلدىن مىڭنى ئېلىپ كەلسىڭىزمۇ پىيادە ماڭمايمەن! قانداق قىلىشىنى بىلمەي قالغان بوزاغۇ زىندانبەگكە قارىدى. — يوغروش بېشى، بەگىيۈسۈپ مېنىڭ ھارۋام بىلەن بارسۇن. — خەير، بەزى ھالدا دارغا ئېسىلىدىغان جىنايەتچىنمۇ ھارۋىدا ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. قېنى، ھارۋىنى ئېلىپ كېلىڭ! زىندانبەگى ياساۋۇللارغا بۇيرۇپ ھارۋىنى ئەكەلدۈردى. بەگىيۈسۈپ ھارۋىغا چىقىپ ئولتۇردى، ئورداغا بىردەمدە يېتىپ بېرىشتى، بوزاغۇ ياساۋۇللار بىلەن بەگىيۈسۈپنى ئىشىك ئالدىدا قالدۇرۇپ، بۇغرا قاراخان سارىيىغا كىرىپ كەتتى. ئاسمان يۈزىدە پارچە — پارچە كۈل رەڭ بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرەتتى. كۈن غەربكە قىسايغان بولۇپ، قىزغۇچ نۇرى بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ غەربىدىكى دەرىزىلىرىدە چاقنايتتى. بەگىيۈسۈپ ئەتراپقا قاراپ، مۇھەممەد ئارسلانخان ئۆزىنى بۇغرا قاراخان دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ساراينىڭ
ئالاھىدە بېزەلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. بارلىق ئىشىك - دەرىزىلەرنىڭ چاسىلىرىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن، قايتىدىن گەجخاك قىلىنغان تاملار ناۋات سۈيىدە پاتلىنىپ، ئويما - نەقىشلىرى يېڭىلانغانىدى. سالاسۇن - ناۋالىرى، جەگە - تۈۋرۈكلىرىگە قايتىدىن نەقىش چېكىلىپ، سىر بېرىلگەچكە پارقىراپ كەتكەنىدى. بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئىچكى ئالدىدا تۇرىدىغان ئىككى قارائۇل تۈتكە كۆپەيتىلگەن، باشقا نەرسىلەر ئۆز پېتى ئىدى.
ئالتۇن ھالقىلىق ئىشىك ئېچىلىپ، ئاۋۋال بوزاغۇ، ئاندىن دوقاقبەگ چىقتى.
— يۈرۈڭ، بەگىيۈسۈپ، — دېدى بوزاغۇ توغلۇق بىلەن.
تەختتە ئولتۇرغان مۇھەممەد ئارسلانخان دىققەت - نەزىرىنى كىرىپ كەلگەن بوزاغۇغا قاراتتى.
بوزاغۇ ئىتتىك كەلگىنىچە تەخت پايىسىگە باش قويۇپ سالام بەردى:
— ئالىيلىرىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن، گۇناھكار بەگىيۈسۈپنى زىنداندىن ئېلىپ كەلدىم.
— ئولتۇرۇڭ، يۇغرۇش بېشى.
مۇھەممەد ئارسلانخان تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان بوزاغۇدىن نەزىرىنى يۆتكەپ، سالام بەرگەن بەگىيۈسۈپكە قارىدى. بەگىيۈسۈپ تەختنىڭ ئىككى يېنىدىن ئورۇن ئېلىشقان ۋەزىر - ۋۇزەرالارغا، ھاجىپلار، سۇباشلارغىمۇ سالام قىلدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان رەڭگى سارغايغان، ياداڭغۇ، روھسىز، كىيىملىرى كىر، ئۈستىبېشىنى توپا - چاڭ باسقان مەھبۇسنى كۆرمەن، دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما، ئۇنىڭ كۆرگىنى ۋۇجۇدىدىن غەيرەت - شۇجائەت ئۇرغۇپ تۇرغان، ئۈمىدۋار، تېمەن ئادەم بولۇپ چىقتى. «قەيسەربەگنىڭ دېگەنلىرى راست ئىكەن. ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرى، ئىخلاسمەنلىرى يوقلاپ تۇرغاچقا قىلچە روھسىزلانماپتۇ، زىنداندا ياتقاندەكەنمۇ قىلمايدۇ.
مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى بىر تونۇتۇپ قويمىسام پېتىمدىن چۈشمىگۈدەك، ئارسلاندەك كىرگىنىڭ بىلەن، سوغا چۈشۈپ كەتكەن مۆشۈكتەك سالپىيىپ چىقىپ كەتكىنىڭنىمۇ بىر كۆرمىسەم…» دەپ ئويلىغان مۇھەممەد ئارسلانخان ئالدىرىماسلىق قارارىغا كەلدى. ئۇنى ئۆزىگە مايىل قىلغۇسى كەلگەندەك، سىپايىلىك بىلەن سورىدى.
— سۇلايمان ئارسلانخانغا ھېلىمۇ سادىقمۇ سىز؟
— ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى، — دادىل جاۋاب بەردى بەگىيۈسۈپ.
— نېمە ئۈچۈن؟
— شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سۇلايمان ئارسلانخان ئىلىمنى، بىلىم ئەھلىنى دوست تۇتۇپ، نادانلىق، جاھالەتنى يوق قىلىپ، قاراخانىيلار مەملىكىتىنى روناق تاپتۇردى. ئۇ قاراخان بولغان يىگىرمە نەچچە يىل جەريانىدا، دىيارىمىز يىلسېرى تەرەققىي قىلدى. ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، سودا - سېتىق ئىشلىرى راۋاجلاندى. ئۇرۇش، ماجىرا ئاز بولدى. ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى. ئۇ ئادىل پادىشاھ، توغرا ھۆكۈم قىلغۇچى، خەلقنىڭ غەمگۈزارىدۇر. بۇنداق پەزىلەتلىك پادىشاھتىن يۈز ئۆرۈش — قارا يۈزلۈكتۇر، ئالىيلىرى، مەن ئۇنىڭغا ئۆمۈرۋايەت سادىقمەن.
— بولدى، زۇۋانىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ، بەگىيۈسۈپ، ئالدىراپ كەتمەڭ، — مۇھەممەد ئارسلانخان غەزىپىنى بېسىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — سىز ئاقىل، جەمەتلىك زاتدارسىز، بالىچاقىلىرىڭىزنى، مال - مۈلكىڭىزنى ئويلاپ ئاندىن جاۋاب بېرىڭ. سۇلايمان ئارسلانخانغا ئەمەس، ماڭا ساداقىتىڭىزنى بىلدۈرۈپ، تاقاق، زەنجىردىن قۇتۇلۇشنى، يۇقىرى مەرتىۋە، ئىنئامىمغا ئېرىشىشنى خالامسىز؟
— مەن بالىچاقامنى، مال - مۈلكۈمنى ئاللاھقا تاپشۇرغان، بۇنىڭدىن غەم يېمەيمەن، ئالىيلىرى! ھەققانىيەت، ئادالەتنى ياقىلاپ زىندا ندا يېتىشنى گۈزەل كۆرىمەنكى، ئەمەل - مەنسەپنى
كۆزلەپ ۋىجدانىمغا خىلاپ ئىشنى قىلمايمەن. ئەلنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، سائادىتىنى ئىزدەپ بوينۇمغا چۈشكەن تاقاق، قولۇم باغلانغان زەنجىرگە رازىمەنكى، پادىشاھلارنىڭ ئىنام، شەپقەتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەيمەن. سىلى دەپ باققان بولسىلا، ئالىيلىرىغا ساداقىتىمنى يەنە قانداق بىلدۈرسەم بولار؟ — دېدى بەگىيۈسۈپ.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزىگە ئۈمىد باغلاپ دېدى.
— سۇلايمانخان ئارسلانخاننىڭ ئىقتىدارسىز، قورقۇنچاق پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىسىز. ئۇنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى، بۇ ئۆلتۈرۈلگەن كۆپچىلىككە بىلدۈرۈپ، مەندىن ئەپۇ قىلىشىمنى تىزلىنىپ تۇرۇپ سورايدىغان بولسىز.
بەگىيۈسۈپ بىر مۇھەممەد ئارسلانخانغا، بىر دۆلەت ئەركانلىرىغا قاراپ:
— مەن بۇغراخان سۇلايمان ئارسلانخانغا، ئاتامغا، ئۆزۈمگە بوھتان چاپلامدىمەن؟ بوھتان چاپلاش ئەزەلدىن ئاسىي - مۇناپىقلارنىڭ ئىشىدۇر، ئالىيلىرى، — دېدى دادىل تۇرۇپ.
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ چىرايىدىكى يېقىمسىز كۈلكە يوقالدى.
— ياق، بەگىيۈسۈپ، بوھتان قىلدىڭ دېمىدىم، ھەقىقەتكە، ماڭا باش ئەگكەن دەۋاتىمەن.
— مەقسەتلىرىنى چۈشەندىم، ئالىيلىرى. مەن بىر پارچە سۆڭەككە زار ئىتتەك كۆچۈكلىنىپ، خوشامەت قىلىپ، ناھەق قان تۆككەن، ئاتامغا زۇلۇم قىلغان قانخورغا ساداقىتىمنى بىلدۈرۈپ، ئىنسانلىق غۇرۇرۇمنى يەرگە ئۇرمدىمەن؟ ئەقىدە، ئىخلاسىمدىن كېچىپ، ۋىجدانسىزلىق قىلامدىمەن؟ يەنە قانداق شوملۇقلارنى قىلسام بولىدۇ، ئالىيلىرى؟
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ چىرايىدا قان قالمىدى. ئۇ ئورنىدىن
دەس تۇردى. بارلىق ئەكابىر - ئەشرەپلەرمۇ تۇرۇپ كېتىشتى.
- يەنە شۇنى قىلىشىمىز زۆرۈركى، - دېدى بوزاغۇ لاغىلداپ تىترەپ زۇۋان سۈرەلمەي قالغان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئورنىدا جاۋاب بېرىپ، - خاقانىمىزغا قارشى كىشىلەرنىڭ ياغما، قارلۇق، ئوغۇز، قىپچاق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسىملىكىنى يېزىپ بېرىمىز، مانا بۇ ساداقەتمەن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئالدىدا گۇناھكار ئىكەنلىكىڭىزنى تەن ئالىسىز. غەزەپتىن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن بەگتۈسۈپ، بوزاغۇغا قادالدى: «ئەجەب بۇ ئادەمنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟» ئۇ سەپسىلىپ: «مۇھەممەد ئارسلانخانغا باش ۋەزىر بولغان بۇ ئادەم بوزاغۇغا بەك ئوخشايدىكەن. بىراق، بوزاغۇ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئۆلگەن» دېدى ئىچىدە ۋە ئالدىغا بىر قەدەم چامداپ دېدى:
- مېنىڭ ئېگەم، ئاللا، سىز ئەمەس، قەيسەربەگ، سىزدەك قارا نىيەت، خوشامەتچى، مەككارنىڭ سۆزىگە كىرگەن مۇھەممەد ئارسلانخان ناھەق قان تۆكتى، ئەلگە زۇلۇم قىلدى، بىگۇناھ بۇغراخاننى، بۈگۈ بىلگە دانىشمەنلەرنى، ۋەتەن، خەلقى ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ ئالىپ بولغان سەركەردىلەرنى، ھۆرمەتكە سازاۋەر قەبىلە، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنى زىندانغا تاشلىدى. باش ئېگىپ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تەن ئالىدىغان مەن ئەمەس، سىز! مانا بۇ يەردە ئولتۇرغان بىر ئۇچۇم كاززاپ ئەمەلدارلار! ھەققانىيەت، ئادالەتنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋارمەن. خەلقىم، ئېلىم ھامان بىر كۈنى بىلىم ۋە بىلىم ئەھلىنى دوست تۇتىدىغان، ئەلنى روناق تاپتۇرىدىغان ئادىل، جۈرئەتلىك پادشاھنى تەختتە ئولتۇرغۇزىدۇ.
- بەس! - ۋارقىراپ قىلىچىنى غىلاپىدىن سوغارغان بوزاغۇ لاغ - لاغ بولۇپ نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغان مۇھەممەد ئارسلانخانغا قارىدى، - شاھىنشاھىم، رۇخسەت قىلىسلا، مەن بۇ ئەدەپسىز گۇناھكارنىڭ بېشىنى كېسىپ كۆپكە ئىبرەت
قىلاي! دېدى. توختاڭ، ئۇنى ھازىر ئۆلتۈرمەيمەن، ئۆمۈرۋايەت زىندانغا بەند قىلىپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، مۇھەممەد ئارسلانخان غەزەپ بىلەن قولىنى شىلتەپتى. خاقانىمىز دانىشمەندۇر. گۇناھكارغا توغرا ھۆكۈم قىلدى. بەگىيوسۇپنى قىلىچ بىلەن چېپىش يېنىك جازا بولۇپ قالىدۇ. ئۇنى زىندا ندا قۇرت قوڭغۇزغا يەم قىلىپ بېرىش كېرەك! دوقاقبەگ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئەمرىنى قوللاپ، يېنىدا ئېگىلىپ تۇرغان بوزاغۇنىڭ يېڭىدىن تارتىپ قويدى. ئېلىپ مېڭىڭلار! ياساۋۇللارغا بۇيرۇدى بوزاغۇ. مۇھەممەد ئارسلانخان! دېدى بەگىيوسۇپ ئارقىسىغا قايرىلىپ، پەلەك تەگىرمەن بولۇپ ئايلىنىپ تەختكە چىقىپ قالدىلا، پەلەك ئۆزى ئايلانسا قانداق بولىدۇلا، ئويلىنىپ ئىش كۆرسىلە، يېنىكلىك قىلمىسىلا … بوزاغۇ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ خاقانغا تەسىر قىلىشىدىن قورقۇپ ئىتتىك ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ سەپراسى مىڭ گەز ئۆرلەپ تەختتە ئولتۇرغىنىچە قالدى …
3
بەگىيوسۇپ يەنە چاھقا تاشلاندى. زىندانبېگى بەردىبەگمو «بۇغرا قاراخاننىڭ دۈشمەنلىرىگە خەيرىخاھلىق قىلغان» دەپ ئەيىبلىنىپ، چاھقا مەھكۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئورنىغا بوزاغۇنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مۇھەممەد ئارسلانخان قىرىق يىل جاللاتلىق قىلغان مۆگسۈز ① قان ئىچەرنى زىندانبېگى قىلىپ يارلىق چۈشۈردى. يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن گۇناھكارلارنى كۆرۈشتۈرمەسلىك توغرىسىدا پەرمان چىقاردى.
① مۆگسۈز ئادەم ئىسمى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، غەم قايغۇسىز دېگەن مەنىدە.
مۆڭسۈز قارىمۇتۇق، مۇز چىراي، گۇمۇش ئادەم ئىدى، ئەللىك ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ ئۆيلەنمەي بويتاق كېلىۋاتاتتى. بويى ئېگىز، قىسىق كۆز، كۆچتۈڭگۈر ئىدى. چاچ - ساقاللىرىغا تېخى ئاق كىرمىگەن، قاراشتا سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.
ئۇ يىگىرمە بەش يېشىدا ئورخۇن بويىدا ئەسكەرگە چۈشكەن قىتان بولۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلار قاتارىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانىدى. لېكىن، ئۇ «مېنى ھايات قالدۇرساڭلار، قانداق خىزمەتكە بۇيرۇساڭلار ئادا قىلىمەن» دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالغاندا، ئەھمەد توغانخان «بۇ گېپىڭ راست بولسا، ئەسىر چۈشكەن بۇ بۇرادەرلىرىڭنى چېپىپ ئۆلتۈر!» دەپ بىر قىلىچ بەرگەن. مۆڭسۈز قىلىچنى ئېلىپ ئىككىلەنمەستىن يىگىرمە تۆت قىتان سەركەردىسىنى چېپىپ ئۆلتۈرگەن، بىر قېتىم قىلىچ ئۇرۇش بىلەن بىر كاللىنى تېنىدىن جۇدا قىلغان. ئۇنىڭ ماھارىتىگە قايىل بولغان بۇغرا قاراخان ئۇنى ئۆز ھۆكمىنى ئىجرا قىلغۇچى جاللات قىلىپ بەلگىلىگەن، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەنسۇرخاننىڭ جاللىتى بولغانىدى.
يۈسۈپ قادىرخان بۇغرا قاراخان بولغاندا، قۇمارۋازلىققا ئۆيلەنگەن مۇھەممەد ئارسلانخان بۆلۈنبەگنىڭ مەسلىھەتى بىلەن مۆڭسۈزنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ جاللىتى قىلىۋالغانىدى. مانا شۇنىڭدىن بېرى مۆڭسۈز ئىككى قولى قان بىلەن بويالغان، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى خۇمار قىلىدىغان يىرتقۇچقا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ئوردىدىكىلەر ئۇنى «قان ئىچەر مۆڭسۈز» دېيىشەتتى.
بوزاغۇ مۆڭسۈزنىڭ زىندانبېگى بولغىنىدىن ناھايىتى خۇش بولدى، ئەتىسى زىندانغا كېلىپ:
— جاللات بولۇپ قان تۆكۈشتىن قۇتۇلغىنىڭىزغا خۇرسەنمۇ سىز؟ — دەپ سورىدى.
مەللەتون، كىگىز قالپاق كىيىپ قىلىچ ئېسىۋالغان مۆڭسۈز ھومىيىپ قاراپ:
— بوزاغۇ جانابلىرى، ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇمارىم تۇتۇپ
كەتكەندە، سىزنىڭ مەككار بېشىڭىزغا قىلىچ ئۇرۇپ سېلىشتىن ساقلىنالمايدىغاندەك تۇرىمەن، — دېدى.
بۇنى كۈتمىگەن بوزاغوننىڭ ئەندىشىسى ئۆچتى، ئارقىسىغا داجىپ زوۋان سۈرمەي تۇرۇپلا قالدى. مۆڭسۈزنىڭ ئۆزىنى تونۇۋالغانلىقى خىيالىغا كەلتۈرمىگەچكە قورقۇپ كەتتى.
— جانابلىرى، قورقمىسىلا، سىلىنىڭ بوزاغۇ ئىكەنلىكلىرىنى ھېچكىمگە دېمەيمەن. قەيسەربەگ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈۋېرىسلا. مەن مەقسىتىمگە سىلى ۋە سىڭىللىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يېتىدىغاندەك قىلىمەن.
بوزاغوننىڭ قېپىدىن چىقىپ كەتكەن يۈرىكى ئورنىغا چۈشتى، يۈزىگە قان يۈگۈردى.
— مۆڭسۈز بۇرادەر، سىز مېنى قانداق تونۇۋالدىڭىز؟ — ئاخىر ئېغىز ئاچتى ئۇ.
— سىز تالاسقا كېلىپ ھەرەم ئاغۋاتى بولغاندىلا تونۇۋالغان. كۆزىڭىزگە قاراپ كىملىكىڭىزنى بىلگەن. خۇي — پەيلىڭىز ماڭا يارالغان.
— نېمىشقا ئۇ كەمىدە تونۇشلۇق بەرمىدىڭىز؟
— مەن سەۋرچان ئادەم. سىزنىڭ يەنە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرگۈم بار ئىدى. سىڭلىڭىز بىلەن قانلىق ئويۇنلارنى ئوينىدىڭىز، ئويۇن ئەمدى ئەۋجىگە چىقتى. بوزاغۇ، بۇ ئويۇنىڭىزغا مېنىڭمۇ قاتناشقۇم، بۇغرا قاراخانلاردىن قىساس ئېلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇمارىمدىن بىر چىققۇم بار، — مۆڭسۈز تۈگۈلگەن مۇشتۇمىنى سىلكىپ قويدى.
بوزاغۇ قولىنى ئۇزارتتى:
— ئاكا، تەقدىر بىزنى بىرلەشتۈردى، سىزگە ئىشىنىمەن، ۋاقىت كەلگۈچە بوزاغۇ ئىكەنلىكىمنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ، بولامدۇ؟
— خاتىرجەم بولۇڭ، بوزاغۇ، مەن ھازىر سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، لېكىن ھاجىتىم چۈشكەندە
دېگىنىمگە ماقۇل بولۇشىڭىز شەرت، — مۆڭسۈز قولىنى بەردى. — ئەلۋەتتە، نېمە دېسىڭىز ماقۇل بولىمەن، — بوزاغۇ ئۇنىڭ قولىنى قىسىپ سىلىدى. — مەن زىندان بېشى بولغان تۈنۈگۈندىن بېرى، يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ بىرىنىمۇ گۇناھكارلار بىلەن كۆرۈشتۈرمىدىم، يۇغرۇش بېشى. بۇغرا قاراخان نامىدىن پەرماننامە يازدۇرۇپ، زىندان ئىشىكىگە چاپلاتقۇزۇپ قويدۇم، كۆرۈپ باقامسىز؟ — كۆرۈپ باقاي، — دېدى بوزاغۇ كۆڭلىدىن تۇتۇۋالغان بۇ باش كېسەرگە يېلىنغان قىياپەتتە، — كىشىلەر «قان ئىچەر جاللات، تەلۋە، ئارقۇق① ئادەم» دەپ سۈپەتلىگەندەك ئاشۇنداق مۆڭ، گۇمۇشلاردىن ئەمەس ئىكەنسىز، چارە — تەدبىرلىك، ئارىم — بارىم② ئادەم ئىكەنسىز، مۆڭسۈزبەگ، — بوزاغۇ ئۇنى بەگ دەپ ئاتاپ خوشامەت قىلدى. — مەن قان ئىچەر جاللات، دەپ تونۇلۇپ كەلگىنىم بىلەن، ھەممە ئارزۇ — ئارمانىمنى قەلبىم قېتىغا يوشۇرۇپ قويغان ئەپسۇنچىمەن، بوزاغۇ. خالىسام بۇغرا قاراخانمۇ بولالايمەن، ئەمما، مەن ھۆكۈمدار بولۇشنى خالىمايمەن، — دېدى ئۇ پۇشۇپ. بوزاغۇنىڭ يۈرىكى يەنە بىر قېتىم قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى. — ئىشىنىمەن، سىزگە ئىشىنىمەن. مۆڭسۈزبەگ، ماڭا ئادەم سىياقىدىكى ئەجدىھادەكلا كۆرۈنۈۋاتىسىز، — بوزاغۇ ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختىدى، مۆڭسۈز ئۇنى كەسەتتى: — بوزاغۇ، ياق، تېخى بۇنداق دېمەسلىكىم كېرەك، قەيسەربەگ، سىز گەرچە يۇغرۇش بېشى بولسىڭىزمۇ، توخو يۈرەك ئىكەنسىز. بۇ ھالىڭىز بىلەن ھەرگىز ئالىپ بولالمايسىز، ئالىپ
① ئارقۇق — جاھىل، تەتۈر. ② ئارىم — بارىم — خوش پېئىل، خوشخۇي.
بولالمىغان مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ. دېمەكچىمەنكى، جۈرئەتلىك بولۇڭ بەگزادە، بۇغرا قاراخاننى سىزغان سىزىقىڭىزدىن چىقالمايدىغان قىلىپ قويالايسىز، ئارمانىڭىزغا يېتەلەيسىز، — مۆڭسۈز تۇرۇپ قالغان بوزاغۇغا، — قېنى ماڭايلى، — دەپ ئېگىز تام ئوراپ تۇرغان زىنداننىڭ شور ئۆرلەپ، يانتاق، مۇخ بېسىپ كەتكەن ھويلىسىدىن ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ چىقتى.
— بۇنىڭغا قاراڭ، — مۆڭسۈز تۆمۈر ھالقىلىق ئىشىكنى كۆرسەتتى، ئىشىكنىڭ ئوڭ، سول قاناتىغا سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق قەغىزىگە يېزىلغان پەرماننامە چاپلانغانىدى:
«ئەييۇھانناس! ئىشتىكلار ئامۇخاس! ئىشتىمدىم دېمەڭلار، ئىشتىكەنلەر دانا، ئىشتىلمىگەنلەر ئاگاھ بولۇڭلاركى، بۈگۈن ئەتەنگىدىن باشلاپ يوقلاپ كەلگۈچىلەر بىلەن مەھبۇسلار كۆرۈشتۈرۈلمەيدۇ، ئېلىپ كەلگەن، نان، ئاش، كىيىم - كېچەك ئىگىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. كىمكى بۇ پەرماننامىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆرۈشتۈرۈشنى جاھىللىق بىلەن تەلەپ قىلسا، جېدەل چىقارسا، زىندانبېگىگە يانسا، ئەھۋالغا قاراپ، ئۈچ دەررە، يەتتە دەررە ئون دەررە ئۇرۇلۇپ، زىندانغا ئۈچ كۈنلۈك، ھەپتىلىك، بىر ئايلىق بەند قىلىنىدۇ. بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كاللىسى ئېلىنىدۇ! گەپ تامام ۋەسسالام.
قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ شاھىنشاھى بۇغرا قاراخان مۇھەممەد ئارسلانخان.
ھىجرىيە 448 - يىلى شەئباننىڭ 13 - كۈنى ①»
— بۇ پەرمان ئادەم چۆچۈگۈدەك دەرىجىدە يېزىلىپتۇ. بۇغرا قاراخاننىڭ ئىمزاسىمۇ قويۇلۇپتۇ، قولىڭىزدىن ئىش
① مىلادىيە 1056 - يىلى 4 - ئايغا توغرا كېلىدۇ.
كېلىدىكەن، مۆڭسۈزبەگ. شۇنى بىلگۈم بار، ئېيتىڭا، بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولدىمۇ؟ — سورىدى بوزاغو ئاسماقچىلاپ.
— بولدى، ئويلىغاندىن كۆپ ئەمەس. تۈنۈگۈن يوقلاپ كەلگەنلەردىن ئەللىك ئادەم ئۆچتىن — ئونىغىچە دەررە ئۇرۇلۇپ زىندانغا تاشلانغانىدى، بۈگۈن سىز كەلگۈچە يىگىرمىدەك ئادەم زىندانغا تاشلاندى. قالغانلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى قويۇپ كەتتى، ئوغرى، قاراقچى گۇناھكارلارغا بەلگۈزۈۋەتتىم، قەيسەربەگ، — مۆڭسۈز ئۈچلۈك ئېڭىكىدىكى شالاڭ ساقىلىنى سىيپاپ ھىجايدى.
— كارامەت ئىش قىلىپسىز، مۆڭسۈزبەگ، دەررە ئۇرۇلغانلار ئىچىدە سۇلايمان ئارسلانخان ھەم بەگىسۈپىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، يېقىنلىرىدىن بارمىكەن، سۈرۈشتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ — بوزاغو خۇشال بولغىنىنى بىلدۈرۈپ كۈلۈمسىرىگەن بولسىمۇ، ئىچىدە «بۇ ناھايىتى زەھەرخەندە ئادەم ئىكەن. ئۆنىڭ قىساس ئالماقچى بولغان ئادىمى بىرلا بۇغرا قاراخان بولماستىن، پۈتۈن خان جەمەتىنىمۇ ئىچىگە ئالسا كېرەك، قارلۇقلارنىمۇ ئاياپ قويمايدىغاندەك قىلىدۇ. خەير، مېنى جۈرئەتسىز، دەپ كەمستىپ تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ زىندانبېگى بولۇشىدا، بۇغرا قاراخانغا مەن تەۋسىيە قىلغىنىمنى بىلمەي قېلىۋەرسۇن. قېنى، كىم ئالىپ، جۈرئەتلىك ئىكەن، كېيىن كۆرۈمىز…» دەپ ئويلىدى.
— بار ئىكەن، قەيسەربەگ، — دېدى مۆڭسۈز ئەتراپىغا سوغۇق نەزەر تاشلاپ، — سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ياقۇپ تېگىن قىلىچىنى سوغۇرۇپ: «ئەگەر ئاتام بىلەن كۆرۈشتۈرمىسەڭ جېنىڭنى ئالىمەن» دەپ ماڭا قاراپ يۈگۈرۈۋەردى، مانا شۇ گۈرزە بىلەن، — ئۇ قولىدىكى چويۇن چوماقنى پىرقىرىتىپ قويدى، — قىلىچىنى ئىككى پارە قىلىۋەتتىم. بۆرە توشقاننى باسقاندەك باسماقداپ قىمىرلىيالماس قىلىپ قويدۇم. ھا — ھا — ھا، ئون دەررە ئۇرۇپ چاھقا
تاشلىدىم. بۇ قىرىق يىلدىن بېرى بىرىنچى قېتىم ئۆز دۈشمىنىمنى جازالىغىنىم، تەڭرىم زىندان بېشى قىلىپ دۈشمەنلىرىمنى ئۆزۈمگە تۇتۇپ بەردى، نېمە قىلسام، قىلالايمەن، قەيسەربەگ، — موڭغۇل سۆزىنى توختىتىپ، بېلىگە ئېسىلغان ئاسۋال قاپقىنى ئالدى، ئاسۋالدىن ئالىقىنىغا تۆكۈپ تىلىنىڭ ئاستىغا سالدى، تاماقنى چىشلىتىپ كۆزىنى يۇمدى. ئاندىن «ئەھە» دەپ بىر يۇتۇپ يەرگە تۈكۈردى — دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئوزاقتىن بېرى قولى باغلانغانلارنىڭ بېشىنى كېسىپ زېرىككەندىم. بۇ يەردە قولىغا قىلىچ، نەيزە ئالغانلار بىلەن تۇتۇشۇپ ئۈچ پۇشۇقۇم خېلى چىقىپ قالدى، — ئۇ قانداق ئىكەنەمەن، دېگەندەك قىلىپ تۈكلۈك مەيدىسىگە مۇشتلاپ قويدى، — ئەشەددىي رەقىبىڭىز بەگىيۈسۈپنىڭ ئوغلىمۇ زىندانغا تاشلاندى. ئۇمۇ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشىمەن، دەپ چىڭ تۇردى، قارائۇللارغا بوي بەرمەي زىندانغا بېسىپ كىرمەكچى بولۇۋىدى، بىرنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزدۈم. ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپنىڭ ئىككى نەۋرىسىمۇ زىندانغا تاشلاندى. مەن بار ئىكەنەمەن، ھېچكىمنى كۆرۈشتۈرمەيمەن، يوقلاپ كەلگۈچىلەرمۇ كۆندىن — كۆنگە ئازىيىدۇ. جان دېگەن تاتلىق، قەيسەربەگ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
— شۇنداق، موڭغۇلبەگ، لېكىن سىزنىڭ ئەمىرىڭىزگە بويسۇنمايدىغان بىر شاھزادە بار …
— كىم ئۇ؟
— مەھمۇد تېگىن.
— مەھمۇد تېگىن؟ — موڭغۇل گۈرزىسىنى چۆرۈپ تۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى، — ئۇ كەلدى. قەيسەربەگ، بۇ پەرماننى ئوقۇپ، زۇۋانىمۇ سۈرمەي شۇ ھامان كېتىپ قالدى، دەررە يەپ زىندانغا تاشلىنىشتىن قورققان بولسا كېرەك، ئەخمەقمۇ.
بوزاغو ئۇنىڭ ھەممە سۆزىگە ئىشەنگەن بولسىمۇ، بۇ سۆزگە ئىشەنمىدى. ئىچىدە «مەھمۇد تېگىن ئۇنداق قورقۇنچاقلاردىن
ئەمەس، كېتىپ قېلىشىدا چوقۇم بىر مەقسەت بار» دەپ ئويلاپ سورىدى.
— زىندان بېشى بەردىبەگ چاھقا تاشلاندىمۇ، ياكى قاماپ قويۇلدىمۇ؟
— چاھقا تاشلاندى. ئۇ قېرى «ئەھمەد يۈرەكمۇ يەتتىم، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنى بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرى بىلەن چاھقا تاشلاپ قىينىغانىدىم. ئەمدى ئۆزۈممۇ چاھ ئازابىنى تارتىپ، تەڭرىم ئالدىدىكى گۇناھىم يېنىكلەيدىغان بولدى» دەپ ياتىدۇ. ساناقلىق كۈنى قالدى ئۇ خۇنپەرنىڭ، كىرىپ كۆرۈپ باقامسىز؟
— بولدى، مۆھسۈربەگ، مەن قايتاي، — بوزاغۇ خوشلاشتى.
4
كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن زىنداندىكى زۇلمەت بىر خىل بولمايدۇ. ئەركىن ئادەم بىلەن مەھبۇسنىڭ ئارزۇ - ئارمانى ئوخشىمايدۇ …
بەگتۈسۈپنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم ئىدى. زىنداندىكى ئەركسىز ھايات ئۇنى تېز پۈكتۈرەلمىگەنىدى. دۇنيادا ئەڭ قاتتىق كۈن مەھبۇسلارنىڭ كۈنى ئىكەنلىكىنى ۋۇجۇدى بىلەن سېزىپ، ئانىسىنى، خوتۇن - بالىلىرىنى، يارۇ بۇرادەرلىرىنى سېغىناتتى، پىراق ئوتىدا پۇچىلىناتتى، «بۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭلا ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقان پېشكەملىك ئەمەس، ئاللانىڭ ئۇنى تەختكە چىقىرىشى زۇلۇم قىلىشقا، قان تۆكۈشكە زورلانغان قارا نىيەت - سۈيقەستچىلەرنى ئاشكارىلاش ئۈچۈندۇر. ھەر قانداق ياۋۇزلۇققا، ئازاب - ئوقۇبەتكە چىداشلىق بېرىشىم، ھاياتىمنى ساقلىشىم زۆرۈر» دەپ ئويلاپ، ئۈمىد بىلەن چاھنىڭ ھەم يېپىقلىق ئاغزىغا پات - پات قاراپ قوياتتى. بىر ھەپتىدىن بېرى ئۇنى ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنىدى.
«بىرسەر ئۆزگىرىش بولدىمۇ نېمە؟ ئاپا، بالىلىرىمغا زىيان زەخمەت يەتمىگەي ئىلاھىم. يا ئۇلار ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدىمىكىن؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بەگتاش جالالدىن ئاغامنىڭ بالىلىرى كېلىپ خەۋەر يەتكۈزگەن بولاتتى. ئۇلارنىڭمۇ كەلمىگىنىگە قارىغاندا، بىز ئىش بولغان چىغى …» دەپ ئويلاپ ئىچى تىت تىت بولاتتى.
بەگىيۈسۈپ زىندانبېگىنىڭ يەتكۈشلىگىنىنى تېخى بىلمەيتتى. ئىلگىرى يوقلاپ كەلگەنلەرنى كۆرۈشتۈرگەندىن باشقا، جاھالارنىڭ ئاغزىنىمۇ بىرئاز ئېچىپ قوياتتى. سۇ، چايمۇ چۈشۈرۈلۈپ تۇراتتى. مۆھسۈز زىندانبېگى بولغاندىن بۇيان، ئەتەنگەن كەچتە ھاجەت ئۈچۈن سىرتقا چىقارغاندىن باشقا چاغدا، تاش ياپقۇنى چاھ ئاغزىدىن ئالمايدىغان بولدى.
بەگىيۈسۈپ يېڭىدىن قويۇلغان زىندانبېگىنى تېخى كۆرمىگەندى. مۆھسۈز ئۆزى پىنھاندا تۇرۇپ، ئىشلارنى باغرى قاتتىق گۇندىپايلارغا قىلغۇزاتتى يوقلاپ كېلىدىغانلار كۈندىن كۈنگە ئازلاپ، زىندانغا تاشلانغانلار كۆپىيىۋاتاتتى.
بەگىيۈسۈپنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بەگتۈرمۈش زىندانىغا تاشلانغاندىن كېيىن، مەھمۇد تېگىننىڭ مەسلىھەتى، يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالغانىدى. ئۇلارنىڭ بولاقبېشىدىكى چوك مىس قۇيۇپ سېلىنغان قورۇسىغا ياساۋۇللارنى بىر قانچە قېتىم باشلاپ كەلگەن بوزاغو ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالماي قايتىپ كەتكەنىدى. بولمىسا بېسىپ كىرىپ، بولاڭ تالاڭ قىلغان، قارشىلىق كۆرسەتتى، دەپ ئەر ئايال دېمەستىن تۇتۇپ كەتكەن بولاتتى. ئۇلارنىڭ نەگە كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. زىندانغا يوقلاپ بارمىغىنىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ ئىدى. بەگىيۈسۈپ «بالىچاقىسىدىن ئايرىلغانلار مەندىلا ئەمەس، چىداملىق بولۇشۇم، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماسلىقىم كېرەك، كۆپكە نىجاتلىق بولماي تۇرۇپ، ماڭا نىجاتلىق بولمايدۇ …» دەپ ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى …
61
ياشىنىپ قالغان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ بۇغرا قاراخان بولغاندىن كېيىنكى ئىچكى نىزالار ۋە ئەل غېمى پەيدا قىلغان يۈرەك كېسىلى زىندانغا تاشلانغاندىن بۇيان ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. قېرىلىقتا بۇ دەرد - ئەلەمنى كۆتۈرەلمەي، ئولتۇرغۇچىلىك ھالى قالمىغانىدى. بالىچاقىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەي قويغاندىن بېرى تېخىمۇ ئاجىزلاپ، ھاجەتكىمۇ چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى.
زىندانبېگى مۆشۈز كۈن ئاشۇرۇپ كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرغان بوزاغۇنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەرلەندۈردى:
— يۇغرۇش بېشى، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ھالى تۆۋەنلەپ قالدى. قاراۋۇللارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ھاجەتكىمۇ چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، چۈشۈرۈپ بەرگەن تاماقنىمۇ يېمەپتۇ.
— ئۇنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى ئاۋامغا ئاشكارىلانمىسۇن، مۇشۇنداق جىمىتلا ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويايلى، مۆشۈزبەگ. يىلاننىڭ بېشى يانچىلسا، قۇيرۇقى كارغا كەلمەيدۇ. سىزمۇ زىندان بېشى بولۇپ ئۆتۈۋەرمەيسىز، — دېدى بوزاغۇ رازى بولغان ھالدا. ئۇ ئاكىسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مۇھەممەد ئارسلانخانغىمۇ زۇۋان سۈرمىدى.
يەتەمىشتىن ئاشقان مەۋلانا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ئاچچىقىنى باسالماي كېلىۋاتاتتى. ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننى «قارا نىيەت خۇنخورلارنىڭ كېيىنكىگە كىرىپ كەتتى، ئادالەت، ھەققانىيەتنى دەپسەندە قىلدى، بىگۇناھ ئىلىم ئەھلىنى خارلىدى» دەپ ئەيىبلەيتتى. بوزاغۇنى «دىننىڭ، بىلىم ئەھلىنىڭ دۈشمىنى، يۇغرۇش بېشى بولۇشقا لاياقەتسىز» دەپ سۆكەتتى. ئۇرۇق - تۇغقان، بۇرادەرلىرى، شاگىرتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەي قويغاندىن باشلاپ، تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، تىللايدىغان، ئۆزىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان گۇندىپايلارغا مۇشتۇمنى تەڭلەيدىغان بولدى. مىجەزى چۇس، كۆڭلى نازۇك بۇ ئالىم بىگۇناھ زىندانغا تاشلىنىپ يۈزلىگەن شاگىرتلىرىغا دەرس
بېرىلمەي قالغىنى ئۈچۈن ھەسرەت چېكەتتى.
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ياقۇپ تېگىنمۇ، بەگىيۈسۈپنىڭ ئوغلى بەگتۈرمىشمۇ گۇناھسىز زىندانغا تاشلانغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
بەگىيۈسۈپ ئۆزىدىن كۆپرەك بىگۇناھ قامالغانلارنىڭ غېمىنى يەيتتى، ئۇلارغا تەسەللى بەركۈسى، ئۈمىدلەندۈرگۈسى كېلەتتى. لېكىن، بۇنىڭغا قىلچە ئامال يوقلۇقىنى ھېس قىلغاندا، «چىدام - تاقىتىمدىن ئايرىما تەڭرىم، بۇ ئازابلىق تۈن ئۆتۈپ، سائادەتنىڭ تېڭى ئاتىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋارمەن…» دەپ مۇناجات قىلاتتى…
بەگىيۈسۈپ كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرق قىلغىلى بولمايدىغان چاھ ئىچىدە، ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات يولى، قاراخانىيلار ئېلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، تەختكە چىققان بۇغرا قاراخانلار، بىر پۈتۈن مەملىكەت بولۇپ تۇرغان چاغدىكى دەبدەبە، سەلتەنەت، پارچىلانغاندىن كېيىنكى دەرد - ئەلەم، ئەللەر بىلەن بولغان ئۇرۇش - جېدەللەر ھەم ئونىڭ ئاقىۋىتى، قەبىلىلەر ئارا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئويلايتتى، پىكىر يۈرگۈزەتتى. بۇ تار، زۇلمەتلىك چوققۇر چاھتا، ئونىڭ خىيالىنى ھېچكىم ئۈزۈپ قويالمايتتى. ئونىڭ خىيالىغا تۆۋەندىكى مىسرالار كەلدى:
تېرىك ئۆلۈر ئاخىر، توشەك بولار يەر، تېرىكتۇر ئېتى، ياخشى بولسا گەر. ①
بەگىيۈسۈپ يىراق ئۆتمۈش بولۇپ قالغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ھارۇن بۇغراخان، سېيىت ئەلى ئارسلانخان، ئەھمەد توغانخان دەۋرلىرىنىمۇ خىيالەن كېزىپ چىقتى. مەنسۇرخان، يۈسۈپ قادىرخان، سۇلايمان ئارسلانخان زامانىدا بولۇپ ئۆتكەن
① «قۇتادغۇ بىلىك» 237 - بېيىت.
ۋەقەلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ تۇيغۇ - ھېسسىياتى دولقۇنلىنىپ، پىكىرلىرى قايناپ، كۆڭۈل خاتىرىسىگە يېزىلىۋاتقاندا، ئېتەككە پاللىدە يورۇق چۈشتى، چاھ ئاغزىدىكى تاش ياققۇ ئېلىنغانىدى.
بەگىيۈسۈپنىڭ كۆزلىرى يۇقىرىغا تىكىلىش بىلەن ئۆزىمۇ تۇرۇپ كەتتى. «پاھ! تەڭرىم، بۇ نېمە كارامەت؟ سەۋر، چىدام، غەيرەت تىلەپ ئويغا چۆككىنىمدە، ئىلھام پەرىسىنى ئەۋەتتىڭمۇ - ھە! چاھ ئاغزىدا جامال كۆرسەتكەن نىجاتلىق پەرىشتىسىمۇ ياكى سائادەت مەلىكىسىمۇ؟» دەپ نىدا قىلدى.
يېشىل ھېلىھە رومالنىڭ چۆچىلىرى بىلەن بىللە، ئۆرۈم - ئۆرۈم قاپقارا قوڭغۇز چاچلار چاھ ئىچىگە ساڭگىلىدى. ياشقا توشقان قارا كۆزلەر چاھ ئاستىغا تەلمۈرۈپ باقتى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەگىيۈسۈپ ئاغا…
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دىلداربىكە، — دېدى قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتۈپ قارىغان بەگىيۈسۈپ، — مەن كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن…
— ئىشىنىڭ بەگىيۈسۈپ ئاغا. پېقىر سىلىنى يوقلاپ كەلدىم.
— ئىككى ھەپتىدىن بېرى زىندان بېشى ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنىدى… راست، سىلى ئىكەنسىلا سىڭلىم…
دىلداربىكە زىندانبەگنىڭ ئۆزىگە قادىلىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان ھالدا چاھ ئىچىگە بەكرەك ئېگىلىپ دېدى.
— بەگىيۈسۈپ ئاغا، ھەيران بولمىسىلا، تاش ياپقۇنى چاھ ئاغزىدىن ئالدۇرغان مەن ئەمەس، تىللا! زىندان باشلىقى تىللا لازىم ئىكەن.
بەگىيۈسۈپ ئەھۋالنى چۈشەندى.
— قانچە تىللا ئالدى، سىڭلىم؟
— يۈز تىللا.
— ئوھۇي، ئاز ئەمەس ئىكەن.
— دىدارلىرىنىڭ قىممىتى ئەل ئۈچۈن بىب aha، بەگىيۈسۈپ
ئاغا. — مەن تېخى ئەلىنى رازى قىلغۇدەك بولمىدىم. — ئەل سىلىدىن رازى. — مەن ئەلىنى رازى قىلىش ئۈچۈن تېخى ئەمدىلا جەڭ باشلىدىم … دىلداربىكەنىڭ ئەگمە قاشلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مۇڭلۇق چېھرىدە بىلىنەر — بىلىنمەس تەبەسسۇم پەيدا بولدى. — ئەجەب — ھە ! چاھ ئىچىدە قانداق جەڭ باشلىدىلا؟ بەگىيۈسۈپنىڭ ساقال بېسىپ، سۈرلۈك بولۇپ قالغان چېھرىدىمۇ يېقىملىق كۈلكە پەيدا بولدى. — مۇشۇ قاراڭغۇ، زەي چاھ ئىچىدە ھەققىنيەت، ئادالەتنىڭ نۇرلۇق قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاھالەت، زۇلمەتنىڭ زوراۋان تەلۋىلىرى بىلەن ئېلىشىۋاتىمەن. ھەيران بولمىغايلا، سىڭلىم. مېنىڭ قىلىچىم تەپەككۇر ۋە قەلەم، بۇ قىلىچىمنىڭ بىسى قايتماس ! — زىنداندىمۇ تىنچ ياتماپتىلا — دە، بەگىيۈسۈپ ئاغا. كۆڭۈللىرىنىڭ تۈگىمەيدىغان بەتلىرىنى تەپەككۇر ئونچىلىرى بىلەن تولدۇرۇپ بىلىك كانىنى قېزىۋاتقان ئوخشىماملا؟ — ئەل ئۈچۈن بىر ھەقىقەتنى تېپىپ چىقىش — غەلىبىلىك بىر جەڭ قىلىش بىلەن باراۋەر، — دېدى بەگىيۈسۈپ. — بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم، بەگىيۈسۈپ ئاغا. جەڭگاھتىكى جەڭ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قانلىق ئىزلىرى بارا — بارا ئۆچۈپ كېتىدۇ. ئەمما، ھەقىقەت تېپىلغاندىن كېيىن، ئەۋلادتىن — ئەۋلادقا قالىدۇ. سىلى چوڭ ئىش قىلىۋېتىپتىلا، — دىلداربىكەنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش چاھ ئىچىگە تاراملىدى. زۇلمەتلىك چاھ ئىچىدىمۇ بەگىيۈسۈپنىڭ ئەقلىدىن ئاداشماي، غۇرۇرىنى يوقاتماي شۇنداق زېرەك، ھوشيار تۇرغىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن دىلداربىكە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالغانىدى. ئۇ
بۇلدۇقلاپ تۇرغان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، توساتتىن سورىدى. — تەڭرىم كۈچ - قۇدرەتلىرىنى كەم قىلمىسۇن، بەگىيۈسۈپ ئاغا. ئاشۇ مۇشەققەتلىك جەڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ، بالىچا - چاقىلىرىنى، يار - بۇرادەرلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىماملا؟ ئۇلارنى سوراپ قويايمۇ دېمىدىلە. ئېغىر تىنق، ئاھ چەككەن ھەسەتلىك ئۈن ئىشتىلگەندە، دىلداربىكە «بۇنى نېمىشقا سورىغاندىمەن؟» دەپ لەۋىنى چىشلىدى. — دىلداربىكە، مەن ھېچكىمنى ئۇنتۇغىنىم يوق، شۇلارنى، ئەۋلادلىرىمنى دەپ، بۇ چاغ ئىچىدە ئاشۇ جەڭنى قىلىۋاتىمەن. ئابايلا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىماقچىدىم. لېكىن، كۆڭلۈم سېزىپ تۇرغان خەۋەرنى ئېيتىقۇزۇپ مالال قىلىپ قويماي، دەپ سورىمىغانىدىم. سورىمىسام كۆڭلۈم تىنچلىنالمايدىغان ئوخشايدۇ. ئېيتىسلا، يېقىندىن بېرى بىزنىڭ ئۆيگە باردىلىمۇ سىڭلىم؟ — ھەر كۈنى دېگۈدەك بېرىپ تۇردۇم، بەگ ئاغا، يابىرا ئاغىچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. — بەگتاش جالالدىن ئاغام ئوبدان تۇردىمۇ؟ — ئوبدان تۇردى، سىلىگە كۆپ دۇئا قىلىدۇ. — خوتۇن - بالىلارمۇچۇ؟ — سالامەت، بەش يۈز تىللا بېرىپ بەگتۈرمىشنى زىنداندىن چىقىرىۋالدىم. — راستىنى ئېيتىسلا سىڭلىم، ئابام ھازىر نەدە؟ يېقىندىن بېرى نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟ دىلداربىكە ئۇھ تارتىپ دېدى: — سىلىنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىرىدىن خەۋەر تاپقان يابىرا ئاغىچىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ يېتىپ قالغانىكەن. چاقىرغىلى كەلگەن بۇۋىئايىشىدىن ئۇقۇپ، بېرىپ داۋالاتتىم، بىرئاز ياخشىلانغانىدى. مەھمۇد تېگىن كېلىپ،
«ئوردىدىكىلەردىن ئۇقسام، يوغروش باشلىق سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئويى بار ئوخشايدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆزۈڭلارنى دالدىغا ئېلىپ تۇرۇڭلار ياكى تويدۇرماي قوزغۇلۇشقا كېتىڭلار، ئۇ خۇنپەرنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ» دەپ ئۇلارنى تەستە قايىل قىلىپ، ئۆلۈشكۈن تەڭگەن شەھەر دەرۋازىسى ئېچىلىش بىلەن تەڭلا ئۆزى يولغا سېلىپ قويدى.
- ئاپام، خوتۇن - بالىلىرىم، نەۋرىلىرىم ھەممىلەن كەتتىمۇ؟ - بەگىيۈسۈپ تازا ئىشەنچ قىلالماي سورىدى.
- يابىرا ئاچام، ئارازان ئانا، ئايتولۇن خېنىم، ئايتمىش خېنىمنىڭ بالىلىرى، بەگتۈرمىش، ئايسىلىگ خېنىممۇ ئوغۇل - قىزلىرى بىلەن كەتتى. ئاقبىرا خېنىم، بۇۋىئايشە خېنىم، جانپىدا غوجاملار قالدى.
- نادىرە، سۈتۈق بۇغرانىممۇ ئېلىپ كېتىپتۇ - دە.
- ياق، بەگىيۈسۈپ ئاغا. ئۇلارغا ئالدىنقى ھەپتە قىزىل چىققانىكەن، شۇنچە داۋالىساممۇ ساقىيالمىدى. جانپىدا غوجاملا ساقىيىپ ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ قالدى، - دىلداربىكە ئۆزىنى ھەر قانچە تۇتقان بولسىمۇ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. بەگىيۈسۈپنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - ئايتولۇن ئاچام: «قېيىنئاتام، ئېرىم، ئوغلۇمنىڭ ئىسسىق قانلىرى تۆكۈلگەن بۇ تۇپراقتىن زادى كەتكۈم يوق. ئەمما، ئاپام، قېيىنئانامغا ھەمراھ بولۇشۇم ناھايىتى زۆرۈر» دەپ خوشلاشتى. بۇۋىئايشە: «مەن كەتسەم ئېلىبەگنىڭ روھى قورۇنۇپ قالامدۇ؟ ئاتام، ئاپام، قۇمبا ئاچامدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟» دەپ ئۇنماي قېلىپ قالدى.
- قىزىم بۇۋىئايشە، ئاقبىرالار نەدە، قىزىم ئاغرىپ قالمىغاندۇ؟ ئۇلار نېمىشقا سىلى بىلەن كەلمىدى؟
- بۇۋىئايشە خېنىم ساق، مەن بۇنداق سەۋرلىك، چىداملىق قىزنى ھېچ يەردە كۆرمىگەن، ئۇ كەم سۆز بولۇپ قالدى، قۇمبا ئاچامغا «بۇغرا قاراحاننىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ زىندانغا
67
بېسىپ كىردى» دېگەن گۇناھنى ئارتىپ، تۇتۇپ كەتكىنىگە ئون كۈندىن ئاشتى. بەگىيۈسۈپ ئاغا. ئۇ ھازىر مۇشۇ زىنداندا بولسا كېرەك.
— بۇ چۈشۈمگە ئايان بولغانىدى. سىڭلىم، ئاقىۋەتنى خۇدا خەيرلىك قىلغاي، — بەگىيۈسۈپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا سەل كۆتۈرۈلۈپ، سۆزىنى داۋام قىلدى، — قارا نىيەت خونخورلار ھېچكىمگە رەھىم قىلمايدۇ، ئۇلاردىن شەپقەت كۈتۈش باشنى تاشقا ئۇرغانلىق بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئۇلار زەرگىمۇ تويمايدۇ. قارىماققا تىللا يەمچۈك قىلىنسىلا، ئۇلار يۆنىدىن ئىلىنىدۇ. ئەمما، بۇ ئىشنى قىلىشتا ئېھتىيات ھەممىدىن زۆرۈر. بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتىڭ، ئەمدى ئاچىلىرى قۇمبا، ئۇستازلىرى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشكە بىر ئۇرۇنۇپ باقسىلا، بىر قېتىم يوقلاش — ئۇلارغا بىر قېتىم جان ئاتا قىلىش بىلەن باراۋەر …
— نېمانداق تۈگىمەيدىغان سۆز بۇ، ئاغچا خېنىم، ئەمدى بولدى قىلىسلا، — دېدى نېرىدىن قاراپ تۇرغان زىندانبېگى مۆڭسۈز جۇدۇنى تۇتۇپ.
— ماقۇل، ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى چۈشۈرۈپ بېرىپلا خوشلىشىمەن، — دېدى دىلداربىكە، ئاندىن چاي بىلەن يېمەكلىكنى سالغان سېۋەتنى چاھقا چۈشۈرۈپ توۋلىدى، — بەگىيۈسۈپ ئاغا، سۆزلىرىنى ئېسىمدە تۇتىمەن، خوش، خۇداغا ئامانەت.
— خوش، سىڭلىم، ئاللا سىلەرنى ئامان قىلسۇن، — دېدى ئۇ سېۋەتتىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئورنىغا كىر بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىنى سالدى. ھۇجرىدىكى پۇلونى، خۇمىردىكى گۈلقەنتنى، نان، سامسىنى كۆرۈپ كۆزىگە ياش ئالدى. خۇمىرنىڭ ئاغزىنى ئاچقانىدى، بىر پارچە قەغەز چىقتى، ئۇنىڭغا «بەگىيۈسۈپ ئاغا، سىزنى زىنداندىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتىمىز» دەپ يېزىلغانىدى…
ئۈچىنچى باب: خانىشلار ۋە شاھزادىلەر
1
قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىدىن قىرىق بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوپال — خىلۋەت، تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى گۈزەل يېزا. بۇ دىيار قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ گۈللەپ — ياشناپ، بۇغراخان، قاراخان، ئارسلانخان، ئېلىكخانلارنىڭ ئارامگاھى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ چار باغلىق ئوراسى بولۇپ قالغانىدى.
سۇلايمان ئارسلانخان باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىنىسى مۇھەممەد ئارسلانخانغا قارشى قەشقەردىن ئاتلىنىپ چىققان ئەتىيازنىڭ ئاشۇ شاماللىق كۈنىدە، ئۇنىڭ خانىشلىرى، بالىلىرى كېنىزەك — مۇلازىملىرى بىلەن ئوپالغا كېتىشكەنىدى.
چوڭ خانىش ئايزادە تۈركەن خاتۇن، ئىككىنچى خانىش ئالتۇن تېرىم بۇۋىپاتىمە، ئۈچۈنچى خانىش كۈمۈش تېرىم گۈلجاھان ئۆزلىرىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن توقال، چۆرىلەر بىلەن «سۇلتانباغ» دىكى قەسىرلەرگە ئورۇنلاشتى. گۈل — گىياھلار ئەمدىلا تىن ئۈنۈۋاتقان، دەرەخلەر بىخ سۈرۈۋاتقان بولغاچقا، كۆكلىم پەسلىنىڭ رۇخسارى ئالەمگە تېخى نامايان
بولمىغانىدى، پەقەت قىش-ياز توختىماي ئاقىدىغان ئازىق داراسى①نىڭ شارقىرىغان ئاۋازى بۇ باغدىكى تومۇچۇق، تورغاي، قارغۇجىلارنىڭ مۇڭلۇق سايرىشىرىغا قوشۇلۇپ، خانىش، چۆرىلەرنىڭ پەرىشان كۆڭلىگە مەلھەم بولاتتى. ھاۋا سالقىن بولغاچقا، ئۇلار ئازادە بېزەلگەن ئايۋان - سارايلاردا دېرىزىلەردىن قارىشىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشاتتى.
ئايزادە تۈركەن خاتۇن غەزنەۋىيلەر پادشاھى سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ كەنجى قىزى ئىدى. يۈسۈپ قادىرخان ناسىر شاھ بىلەن بىللە جەڭ قىلىپ غەزنەۋىيلەرنىڭ بۇخارادىكى ئوردىسىنى ئىگىلىگەندە، كاتتا توي قىلىپ بۇ مەلىكىنى ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخانغا ئېلىپ بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئاتىسى، قېيىنئاتىلىرى دۇنيادىن ئۆتۈپ، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىدىنمۇ ئايرىلغان مەلىكە ئايزادە سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ۋاپادار خوتۇنى بولۇپ كېلىۋاتاتتى. چوڭ ئوغلى ئەبۇ ھەسەن تېكىن بالاساغۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانى ئىدى. ئىككىنچى ئوغلى ياقۇپ تېكىن قەشقەر ساچىيە مەدرىسىدە ئوقۇۋاتاتتى. ئون بىر - ئون ئىككى ياشلارغا كىرگەن قىزى ئالقىشبېكە يېنىدا ئىدى.
ئالتۇن تارىم بۇۋۇپاتىمە ئەھمەد توغانخان سانىنىڭ قىزى ئىدى. ئۇ ئۇزاق يىللارغىچە تۇغماي، كۆپ سەۋەبلەرنى قىلىپ تۇغقان ئوغلى تېخى كىچىك ئىدى، ئىسمى ئالماس بولۇپ، شوخ چوك بولۇۋاتاتتى، مەلىكە ئۇنى يېنىدىن ئايرىمايتتى.
گۈلجاھان قىپچاق قەبىلىسى ئاقساقىلىنىڭ قىزى ئىدى. «قوچقار بېشى»② قىشلىقىدىن ئۆتكەندە، سۇلايمان ئارسلانخان ئۆمۈرگە ئالغان. ئۇ قوبۇز، دومبىرا چېلىشقا ماھىر، ئۆزىنىڭ
① ئازىق داراسى — ئوپالدىكى ئازىق كەتتىدىن ئۆتىدىغان ئېقىن. كېيىن بۇ يەر سۈمەر ئاغزى دەپ ئاتالغان، ئېنىق چاغدىكى ئېقىننىڭمۇ سۈيى ئازىيىپ كەتكەن. ② «قوچقار بېشى» — دەشتى قىپچاقتىكى بىر يېزا، ئېنىق چاغدا قاراخان سەرگەردىلىرى تۇرغان.
كۆڭلىنى ئالالايدىغان نازىنىن ئىدى. قوشكېزەك قىز تۇغقان، سۇلايمان ئارسلانخان قىران چېغىدا كۆرگەن بۇ پەرىزاتلىرىگە «كۆنبېكە، ئايبېكە» دەپ ئات قويغانىدى.
خانىشلار، چۆرىلەر كېنىزەكلەرى بىلەن سۇلتان باغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارامگاھ سارايغا يىغىلىپ تاماقتىنەتتى، باشقا چاغلاردا ئۆز خانىلىرىدا بولاتتى. ئارىلاپ بالىلىرىنى ئېلىپ، كېنىزەك - مۇلازىملىرى بىلەن ئازىق دەرەخزارلىقى بويىدىكى بوستانلىققا ھاۋالىنىشقا چىقاتتى.
ئالقىشقا ساداقىنى ئېلىپ، ئېتىغا مىنىپ، ئالماس تېگىن، كۆنبېكە، ئايبېكە ۋە ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى، دەدەكلىرى بىلەن «نورۇز بۇلاق»قا، ئۆي چولپاندىكى يېشىل تۆپىلىكتىن ئۆتۈپ ھاك تېغىغا بېرىپ ئويناپ كېلەتتى. بالىلارنىڭ چۆچى بولغىچە، ھەممە بالىلارنى باشقۇراتتى، پەقەت يالغۇز ئوغۇل بولغان ئالماس تېگىن بويۇنتاۋلىق قىلىپ، دېگىنىگە ئۇنماي تۇرۇۋالاتتى.
بۈگۈن ئۇلار ئەتەگەنلىك چاينى ئىچىپلا، «نورۇز بۇلاق»قا كەلدى. ئالقىشقا ساداقىنى سۆگەتنىڭ ئاچىمىقىغا ئېسىپ قويۇپ، دەدەك ئايالنىڭ «تاراپ قوياي» دېگىنىگە ئۇنماي، سۈزۈك بۇلاق سۈيىدە بۇلۇق قارا چاچلىرىنى يۇيۇپ تاراپ، ئون بىر ئۆرۈم قىلىپ تۇرۇۋالاتتى. ئايبېكە بىلەن كۆنبېكىنىڭ قوڭۇر چاچلىرىنىمۇ يەتتە ئۆرۈمدىن قىلىپ ئۆرۈپ قويدى.
ئالماس تېگىن ئېقىن بويىدىكى قۇمساغۇ يەردە تەكتۈش مۇلازىمى بىلەن قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق قىلدى. ئۇنىڭ بۇرۇنراق چۆچ بولغۇسى، ساچىيە مەدرىسىدە بىلىم ئالغۇسى، جەڭلەرگە قاتنىشىپ ئالىپ بولغۇسى كېلەتتى.
ئۇلار خېلى ۋاقىتقىچە قىلىچلىرى بىلەن تاللارنى كېسىپ، يالپىزدىن ئوق ئۈزۈپ، تېرەك، سۆگەتلەرنىڭ ئاچاماقلىرىغا تەگكۈزۈپ ئويناشتى، ئاتلىرىغا مىنىپ چېپىشتى، ئاندىن شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتقان ئازىق دەرەخزارلىقىنى كېچىپ ئۆتتى.
ئۈجمە، جىگدە دەرەخلىرى سايە تاشلىغان يېزا يولىدا خېلى يۈرگەندىن كېيىن ئوپال بازىرىغا كېلىشتى. ئاتلىرىدىن چۈشۈۋاتقاندا، شەھەردىن چىققان بىر توپ كىشىلەرگە كۆزلىرى چۈشتى.
— مەھمۇد تېگىن ئاكام كەپتۇ، بۈگۈ بىلگە ئاكام كەپتۇ، — دەپ توۋلىغىنىچە يۈگۈردى ئالماس تېگىن ئېتىنىڭ تىزگىنىنى مۇلازىمىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ.
— ئۆكام بازارغا كەلگەنمىدىڭلار؟ — ئاتتىن چۈشكەن مەھمۇد تېگىن يۈگۈرۈپ كەلگەن ئالماس تېگىننىڭ قولتىقىدىن تۇتۇپ بىر كۆتۈردى — دە، يەرگە دەسسىتىپ قويدى.
— ئويناپ كەلگەندۇق، — دېدى گۆدەك سىلىسگە ئالتۇن ئوتۇغات قادالغان مەھمۇد تېگىننىڭ بەقەسەم تونى ئۈستىدىن باغلانغان كەمەرىگە ئېسىقلىق قىلىچىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ، — بىزگە نېمە ئېلىپ كەلدىڭ ئاكا؟
— جىق نەرسە ئېلىپ كەلدىم، قورۇققا بارغاندا بېرىمەن، — دېدى مەھمۇد تېگىن ئۆزىنىڭ دولىسىنى قىسىپ، — سىلەر بازاردىن ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئارقىمىزدىن بېرىڭلار، بىز ئاۋۋال بېرىپ تۇرايلى.
مەھمۇد تېگىن ئېتىغا مىندى.
— مەنمۇ سەن بىلەن كېتىمەن، ئاكا، — ئالماس تېگىن يۈگۈرۈپ ئالقىشبيكەنىڭ يېنىغا باردى، — قونچۇي ئاچا، يۈرۈڭلار، مەھمۇد تېگىن ئاكام بىلەن قايتايلى.
ئالقىشبيكە قوشكىزەك سىڭىللىرى، دېدەكلىرى بىلەن ئۆلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.
— بۈگۈ بىلگە ئاغا، خاپا كۆرۈنىسەنغۇ؟ — دېدى ئۇ. ھەر دائىم ئۆيگە خوشال كېلىدىغان مەھمۇد تېگىننىڭ غەمناك، قايغۇلۇق چېھرىگە قاراپ. شاھزادىنىڭ چاچ — ساقاللىرى ئۆسۈپ قالغانىدى.
— نېمىلەرنى دەيدىغانسەن شەيتان قىز، ھېلى قورۇققا
بارغاندا بىلىسەن، — مەھمۇد تېكىن ئېتىغا قامچا ئۆردى.
ئۇلار «سۇلتانباغ»نىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، كۈنپېتىشقا ئارغامچا بويى قالغانىدى. ئايزادە تۈركەن خاتۇن خانىشلار، چۆرىلەر بىلەن ئايۋاندا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئالقىشچى كىرىپ مەھمۇد تېكىننىڭ كەلگىنىنى خەۋەر قىلدى.
ئايزادە تۈركەن خاتۇن خانىشلار بىلەن باغ ھويلىسىغا چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەلىكە ئانا، — مەھمۇد تېكىن قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام بەردى ۋە ھال سورىدى. خانىشلار جاۋاب سالام قىلىپ، بۇغرا قاراخاننىڭ نەۋرىسى بولغان بۇ شاھزادىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى ۋە ئايۋانغا باشلاشتى. قولىغا سۇ بېرىپ داستىخان سالدى.
— بالام، كېلىپ مېنى بەك خۇش قىلدىلا، قېنى، چاي ئىچسىلە، — دېدى ئايزادە تۈركەن خاتۇن، ئۇ مەھمۇد تېكىننىڭ قايغۇ بۇلۇتلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ، بىر شۇم خەۋەر ئاڭلايدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيدى، شۇڭا ئېغىزى توغرۇلۇق سورىمىدى.
ئىنسان شۇنداق بىر تۇيغۇن سەزگۈگە ئىگىكى، كۆپ ھاللاردا، ئۆزى يۈز بەرگەن مۇناسىۋەت، ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ئۈستىدە بولمىسىمۇ، ئۇنى چۈشىدە كۆرىدۇ، بىر ئەنسىزلىك ۋۇجۇدىنى چۆلگۈۋالىدۇ. خۇشاللىق كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈپ، غەم بېسىۋالىدۇ. ئايزادە تۈركەن خاتۇن نەچچە ئايدىن بېرى مانا شۇنداق ئەنسىز تۇيغۇدا ئېغىردىن ئەنسىرەپ كېلىۋاتاتتى. سۇلايمان ئارسلانخان لەشكەر تارتىپ ئاتلانغاندا، ئۇنىڭ قەشقەردىكى ھەشەمەتلىك ھەرەمدە تۇرغۇسى كەلمەي، ئوپالغا كېلىۋالغانىدى. باشقا خانىش — چۆرىلەردىن غەم — ئەندىشىسىنى قانچە يوشۇرغان بولسىمۇ، چىرايىدىكى مۇڭ — ھەسرەت بونى ئاشكارىلاپ قويغانىدى. لېكىن، خانىشلار بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىمىدى، ئۆزلىرىمۇ خۇددى شۇنداق ئەنسىز تۇيغۇ ئىلىكىدە
ئازابلىنىۋاتاتتى.
مەھمۇد تېگىن خۇشبۇي چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ، خانىشلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بولدى.
— ئابالىرىم، مەن بۇ دەۋرەم خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلەلمىدىم، — دېدى ئۇ سۆز باشلاپ، — بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان بوۋام مەغلۇپ بولۇپ زىندانغا تاشلاندى. مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋام تەختكە چىقتى. يۇغرۇش، ھاجىپ، سۇباشلارنى يېڭىدىن تەيىنلىدى. ئۇنىڭ يېنىغا بىر قانچە قېتىم كىرىپ سۇلايمان ئارسلانخان بوۋامنى زىنداندىن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ، ماقۇل قىلالمىدىم، ئابا، — ئۇ سۆزىدىن توختاپ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن ئايزادە تۈركەن خاتۇنغا تەسەللى بېرىپ دېدى، — يىغلىمىسىلا، پۈتۈن ئەللىكى ئاتام سۇلايمان ئارسلانخان بوۋامنىڭ زىنداندىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. بۇغرا قاراخان بوۋام چوقۇم يەنە تەختكە چىقىدۇ، سەۋر قىلىسلا ئابا، سەۋر قىلىسلا.
— سەۋر قىلماي نېمە ئامالىم بالام. بۇنداق بولۇشىنى كۆڭلۈم تۇيغان بولسىمۇ، بوۋىلىرىڭنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىنى ئويلىمىغانكەنمەن. بىر تۇغقان ئاكىسىنى زىندانغا تاشلىغان مۇھەممەد ئارسلانخان نېمە خۇشلۇق كۆرەر …
چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، يۈزىگە تۈزۈك قورۇق چۈشمىگەن بۇ خانىش كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ سورىدى:
— بۈگۈ بىلگە بالام، مۇھەممەد ئارسلانخان قارام، مىجەزى چۇرس ئادەم. ئۇ كۆڭلى قارا كىشىلەرنىڭ گېپىگە كىرىپ، بۇغرا قاراخان بوۋىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويمىسۇن — ھە؟!
— ھەممىنى بىلگۈچى ئاللا، مەلىكە ئابا. ھازىر مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋام بىر قىسىم قارا نىيەت، خۇشامەتچىلەرگە ئالدىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ نۆۋەت يۇغرۇش بېشى بولغان قەيسەربەگ ئۇنىڭ بۇرۇندىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يېتىلىپ خونخورلۇق قىلغۇزماقتا. سۇلايمان ئارسلانخانغا سادىق يۇغرۇش
باشى، ھاجىپ، سۇباشى، بۆگۈ بىلگەلەر، قەبىلە ئاقساقاللىرى زىندانغا تاشلاندى. ئۇلار ھەر ۋاقىت زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن. چۈنكى، يۈغرۇش باشى قەيسەربەگ ۋە ئۇنىڭ جەللاتلىرى قىلىچلىرىنى بىلمەكتە. ئۇلار رەھىم - شەپقەت دېگەننى بىلمەيدۇ. سىلى ئېلىنىڭ ھۆرمەتلىك ئانىسى، قايغۇرۇپ يىغلاپ ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قۇيمىسىلا، ئۆزلىرىنى ئايىسىلا، ئۇ خۇنخور مۇناپىقلار قارا قولىنى بۇ يەرگە ئۇزارتىشى مۇمكىن. مەن ئازىق داراسىدىكى قورغاندا تۇرۇۋاتقان ئاتامنىڭ چاپاۋۇل قىسىملىرىغا ھەبەرلەرنى قوغلاشنى بۇيرۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرىپ كېتىمەن. مەلىكە ئابا، بۇ شۇم خەۋەرنى ھەبەرلەرگە يەتكۈزمەپلىكىم كېرەك ئىدى، ئامما ھەبەرلەرنى ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالىدىغان خەۋەپ - خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم. ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق خىزمەتلىرى بولسا مانا مەن تەييار، — ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئالغان مەھمۇد تەگىن ئورنىدىن قوپتى.
— ئولتۇرسىلا بالام، ئولتۇرسىلا، — دېدى ئايزادە تۈركەن خاتۇن. ئۇنىڭ ئەبىرىدىن تەختنى تارتىۋالغان قېيىنئانىسىنىڭ بۇ نەۋرىسىگە تىكىلگەن كۆزلىرىدىن مىننەتدارلىق ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى. ئۇ ناھايىتى تەسىرلەندى. «بالام يا نەۋرەم بولمىسىمۇ، ئۆزى ئالاھىدە كېپتۇ. بۆگۈ بىلگە - دە، ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن» دەپ ئويلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — يوقلاپ چىققىنىڭلارغا ھەشقئاللا! بىز ئاياللار خانىش، قۇنچۇي بولساقمۇ، يەنىلا ئاجىز ئىكەنمىز. بۇغرا قاراخان بوۋىلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسىلا، ئوغلۇم ياقۇپ تەگىنگە كۆز - قۇلاق بولۇپ قويسئلا، خىزمەت دەپسىلە مېنىڭ ئوتۇنىدىغىنىم مۇشۇ. مەنمۇ ئەتە ئوردۇكەنتكە بېرىپ، خاقان زىنداندىن چىققىچە شۇ يەردە يوقلاپ تۇرسام بولغۇدەك.
مەھمۇد تەگىن يۈكۈندى.
— ئەلۋەتتە، مەلىكە ئابا، خەۋەر ئېلىپ تۇرىمەن. سۇلايمان
75
ئارسلانخان بوۋامنىڭ زىنداندىن تېزرەك چىقىشى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋامنى كۆندۈرۈشكە تىرىشىمەن. مەن ئوردىدا خىزمەت قىلمىغان بىلەن، ساچىيە، خانلىق مەدرىسىلىرىدە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن. تېنىم ياقۇپ تېكىن بىلەن كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇرىمەن، ئۆزى سالامەت. خاتىرجەم بولغايلا، بۈزرۈكۋارىم، يەنە بىر - ئىككى ھەپتە ئۆتكۈچە ئوردۇكەنتكە بارماي تۇرسىلا، مەلىكە ئەردەنى موماڭ ئەتە ئوپالغا كېلىدۇ، ئازىق دالاسىدىكى قورغان قەسرىدە تۇرماقچى، بۇ مومام ئۆزلىرىنىڭ تەرىپلىرىنى كۆپ قىلىدۇ، ئونىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كۆرسىلا، بۇ ئۆتۈنۈشىمنى يەردە قويمايغايلا. مەن ھازىر قورغانغا بېرىپ، ئاندىن ئوردۇكەنتكە قايتىپ كېتىمەن. مېنىڭ كېلىشىمنى كۈتسىلە، دۇئالىرىدا ياد ئېتىپ تۇرسىلا.
مەھمۇد تېكىن بىزگە بىرنەرسە بېرىدۇ، دەپ ھويلىدا قارىشىپ تۇرغان بالىلارنىڭ يېنىغا كەلدى، غۇلامنى چاقىرىپ، ئۇ كۆتۈرۈۋالغان خۇرجۇندىن ياقاق ھالقىسى، تەڭگە پۇل ئېلىپ بەردى.
2
كېچىچە ياغقان سىم - سىم يامغۇر سۇبھى يورۇغاندا توختىدى. ئوپۇق يۈزىگە قان چاچراپ باش كۆتۈرگەن قۇياش ئازىق دالاسىنىڭ تاراملىرىدا تىللادەك ھال رەڭلىك شەبنەملەرنى پەيدا قىلدى. «نورۇز بۇلاق» نىڭ سۈزۈك سۈيىگە جۇلا تاشلىدى.
يەتتە مەپە بىلەن ئاتلىق نۆكەر، مۇلازىملار ئازىق دالاسى بويىدىكى كاتتا قورغاننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى. بۇلار مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ چوڭ خانىشى ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن، ئىككىنچى خانىشى سۈسەر ئايىبەكە ۋە ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كېنىزەكلىرى ئىدى.
ئۈچۈنچى خانىش كۈمۈش تارىم قىلىچخان قەشقەر خان
ئوردىسىدىكى ھەرەمدە قالغانىدى. ئو ئەسر چۈشكەن سامانىيلار شاھىنىڭ قىزى ئىدى. ئۆزلۈكى، ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان بۇ قىزنى يوشۇرۇنچە كۆرگىلى بارغان مۇھەممەد ئارسلانخان كۆيۈپ قېلىپ ئەمرىگە ئالغانىدى. ئاتىسى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن بالاساغۇنغا لەشكەر تارتىپ بارغان بۇ شاھزادە قۇماربەككە سۇنغان مۇزدەك شەربەتنى ئىچتى، شۇنىڭ بىلەن باغرېدىكى ئوت ئۆچۈپ، يېڭى ئىشق بالاسىغا گىرىپتار بولدى. ئونىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن توتىنچى خانىش قۇماربەككە ئونى باشقا خوتۇنلىرىدىن بەزدۈرۈپ، پۈتۈنلەي ئۆزىگە قارتىۋالدى. بۇنىڭدىن ئاغرېنغان ئەردەنى تۈركەن خاتۇن قەشقەردىكى ھەرەمدە كۆپ تۇرماي، ئوپال ئازىق كۆنتىدىكى خانلىق قورغانغا بېرىۋالىدىغان بولۇپ قالغانىدى. چىگىل ئارسلانخاننىڭ قىزى بولغان سۆسەر ئايىپكە قىيىداپ پۈتۈن يازنى ئوپالدا ئۆتكۈزەتتى. پەقەت كۈمۈش تارتىم قىلىپخان يىللاردىن بېرى قۇماربەككە بىلەن پۇت تېپىشىپ، ئونىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۆچۈيۈپ كەتكەچكە، بۇ كۆندىشىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قەشقەر ئوردا ھەرىمىدىن نېرى بولمايتتى.
ئازىق داراسى بويىدىكى قورغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە بېنا قىلىنغان بولۇپ، سىپاھلار تۇراتتى. ھارۇن بۇغراخان خان جەمەتىنىڭ يازدا چىقىپ ھاۋالىنىشى، سەيلە - ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن قورغانغا يانداپ باغلىق قورۇ ياساتقانىدى. يۈسۈپ قادىرخان بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپ كېتىۋاتقان ئوپالدا كاتتا، ھەشەمەتلىك بولغان «سۇلتانباغ» نى بېنا قىلدۇرۇپ، ئونى بۇغراخان جەمەتىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئارامگاھىغا ئايلاندۇردى. بۇغراخان، ئارسلانخانلار، شاھزادە، مەلىكىلەر، باھار، ياز، كۈز پەسىللىرىدە نۆۋەت بىلەن بۇ يەرگە چىقىشىپ، ئارام ئېلىشاتتى، شىكار قىلىشاتتى، ئولارنىڭ ئايىغى
ئۈزۈلمەيتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان سامانىيلار خانى نۇھ سانى① نىڭ كىچىك قىزى مەلىكە قىلىچخانغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، قەشقەرگە كېلىپ ئازىق دەرەسى بويىدىكى باغلىق قورۇدا بىر ياز تۇردى، ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ كۆڭلى سۇنغان، روھى چۈشكۈن خانىشنىڭ بۇ خىلۋەت، خۇش ھاۋا جايغا كۆڭلى چۈشۈپ قالدى. شۇ ئارىدا بارسغانغا ئېلىكخانلىققا تەيىنلەنگەن مۇھەممەد ئارسلانخان بىلەن ئوپالدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلدى. لېكىن، يولغا چىقىش ئالدىدا ئەردەنى خاتۇننىڭ كۆزى يورۇپ ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭغا ھۈسەيىن دەپ ئات قويۇشتى. يىللار ئۆتتى. قىلىچخان بۇخارادا ۋاپات بولغان ئانىسىنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمىدى. ئەردەنى خاتۇننىڭ يۈرەك پارىسى ھۈسەيىن تېخىنمۇ چوڭ بولدى. ئۇ ئوپال ئازىق كۆنتىدىكى قورغاندا قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىش ماھارىتىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بىر كۈنى شىكارغا چىقىپ قۇمباغ كۆنتىدىن ئۆتكەندە، موللا سەيپىدىن ئىسىملىك كىشىنىڭ بۇخۇرابىيە دېگەن قىزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ئەمرىگە ئالدى. بۇ دىلرەبا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، ئېتىنى مەھمۇد قويۇشتى. دەسلەپتە ئاددىي دېھقان قىزى بولغىنى ئۈچۈن خانىشلار، مەلىكىلەر ئۇنى تازا ئارىغا ئالماي يەكلىشىتى. بۇخۇرابىيەمۇ ئۆزىنى تۇتۇپ، پۈتۈن مېھرى - مۇھەببىتىنى سۆيۈپ تەگكەن ئېرى ھۈسەيىنگە بېغىشلىدى. بۇ بىلىملىك ئايال ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى، نازاكىتى، پەزىلىتى بىلەن بارا - بارا قېيىنئانىسى ئالتۇن تارىم ئەردەنى خاتۇنغا يېقىپ قالدى. بۇخۇرابىيە شەھەر ئوردىسىدىكى ھەرەمدە تۇرۇشتىن ئانا يۇرتى ئوپالدا تۇرۇشنى ئەۋزەل كۆرەتتى. ئۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خان جەمەتى ئىچىدە «بىلگە خاتۇن» دەپ نام چىقاردى. ئېرى بارسغانغا ئېلىكخان بولغاندىن كېيىنلا
① نۇھ سانى — نۇھ ئىككىنچى.
ئوپالدىن ئايرىلدى. قېيىناتىسى مۇھەممەد ئارسلانخان قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەندە، ھۈسەيىن ئارسلانخانمۇ بۇ ۋاپادار مەھبۇبى بىلەن بىللە يولغا چىققانىدى. قانلىق جەڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بۇغرا بېكنىڭ خان جەمەتىدىن پۈتۈنلەي كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى. ئوغلى مەھمۇد قەشقەرلىقنىڭ قىرغىنچىلىققا ناھايىتى قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، جەڭگىمۇ قاتناشمىغانلىقىنى كۆرۈپ پۈتۈن ئۈمىدىنى ئونىڭغا باغلىدى. «مۇبادا بۇ ئوغلوم بۇغراخان بولۇپ قالسا ئەل ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ. نادانلار تۈگەپ، بىلىملىكلەر كۆپىيىدۇ، جەڭگى - جېدەل بولمايدۇ»، دەپ ھەمىشە بۇ ئالىم ئوغلىنىڭ ئارزۇسىنى يەتتى…
ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن ئوپالغا كەلگەندىن كېيىن، ئاشۇ ۋاپادار، ئەقىللىق كېلىننى ئەسلەپ قالدى. ئېرى قۇماربېككە بېرىلىپ كەتكەندىن بۇيان، مۇشۇ كېلىنلا ئونىڭغا ھەمدەمدە بولۇپ كەلگەندى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نەۋرىسى مەھمۇد قەشقەرلىقنى ئۆزى باققانىدى. پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە كىرىشكەن مەھمۇد قەشقەرلىق بۇ مومىسىدىن كۈندە دېگۈدەك ھال سوراپ تۇراتتى.
ئوپالغا كېلىشلا كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدىغان بۇ خانىشنىڭ بۇ نۆۋەت قايغۇسى كۈنسېرى زىيادىلەشتى. ئېرىدىن قاتتىق رەنجىپ كۆڭلى قالغىنى ئۈچۈنمۇ چىدىيالماي كېتىۋاتاتتى. بىللە كەلگەن كۈمۈش تارىم سۆسەر ئايىپكىنىڭمۇ كۆڭلى ئېچىلمىدى. ئۇلار ئۆز قەسىرلىرىدە غەمكىن ئولتۇرۇشاتتى. كېنىزەكلەر بىلەن نەغمە - ناۋا قىلىشقا، ھەتتا تاماق يېيىشكىمۇ دىللىرى تارتمايتتى.
ئوپالغا كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى سۆسەر ئايىپكە بىللە ئانچە يىراق بولمىغان «سۇلتانباغ»قا بارغان ئەردەنى تۈركەن خاتۇننى ئايزادە تۈركەن خاتۇن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۆزى كۈتۈۋالدى. يۈز يېقىپ كۆرۈشۈپ، ئارامگاھ سارىيىغا باشلىدى.
79
— ئامان — ئېسەن تۇردىڭىزمۇ ئالتۇن تارىم، دىدارلىرىنى كۆرۈشكە شۇنچە تەقەززا بولغانىدىم، — دېدى ئەردەنى تۈركەن خاتۇن ئۈچ قات يىپەكنەداز ئۈستىدىن جاي ئېلىپ.
— راستمو؟ — ھەسەرەتلىك چىرايىغا ئەجەبلىنىش سايە تاشلىغان ئايزادە تۈركەن خاتۇن چاي سۇندى، — سىلىنى كەلمەيدۇ، دەپ كۆڭلۈم بەك يېرىم ئىدى، كېلىپ قايغۇ — ئەندىشەمنى شۇنچە يېنىكلەتتىلە. مەن يالغۇز قالغانلىقىمنى، دوستۇمنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن … مەن … — ئايزادە تۈركەن خاتۇن گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي يىغلاپ كەتتى.
«چاچلىرى ئەجەب ئاقىرىپ كېتىپتۇ، بىر يىل بۇرۇن ئۇنچىۋالا ئەمەس ئىدى. قېرىلىق ئەجەب تېز يېتىپتۇ. ياشانغان بولسىمۇ شۇنچە تەمكىن، نازاكەتلىك ئىدى، ھازىر بولسا …» ئويلىدى ئەردەنى تۈركەن خاتۇن چاي سۈمۈرۈپ.
— بىز بىر ئائىلىدىكى خانىشلار تۇرساق، باشلىرىغا كۈن كەلگەندە كەلمىسەم يۈزسىزلىك قىلغان بولمامدىمەن. سىلىگە كەلگەن دەرد — ئەلەم كۆتۈرگۈسىز، بۇنى يېنىكلىتىشكە بېئىلاج بولغىنىمدىن ئازابلىنىمەن، ئالتۇن تارىم، — دېدى ئۇ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشنى قول ياغلىقى بىلەن سۈرتۈپ.
كېنىزەكلەر پىلەكتىن ئۈزۈلگەن پېتىچە قورىدا ساقلانغان قوغۇن — تاۋۇزلارنى كاسا قىلىپ، خۇنچىلاپ ئېلىپ كىرىپ خانىشلارنىڭ ئالدىغا قويدى. قوغۇن — تاۋۇزغا ئامراق ئەردەنى تۈركەن خاتۇن خېلى يېدى. سۆسۈن ئايىبكە ئىككى تىلىملا يەپ قولىنى ئېرتتى، ھازىر ئۇنىڭغا ھېچنېمە خوشياقمايتتى، قاشلىرىنى سۈزۈپ جىم ئولتۇراتتى. ئايزادە تۈركەن خاتۇن ياش چاغلىرىنى ئەسلەپ دېدى:
— مەن بۇخارادا ئوقۇيدىغان چېغىمدا شاھىنشاھ ئاتىلىرى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى مېنى ئاق پىلغا مىندۈرۈپ سەيلە قىلدۇراتتى. كۆز ئالدىمغا شۇ چاغلار كېلىپ بۇ ھالىمغا
قانداقمۇ ئېچىنماي؟ ھازىر باشپاناھسىز بولۇپ قالدىم ئالتۇن تارىم، — ئىزاده تۈركەن خاتۇن ياشلىق دەۋرىنى ئەسلەپ سۆزىنى داۋام قىلدى — مەن سامانىيلار خانى نۇھ سانى مەنسۇرنىڭ قىزى مەلىكە قىلىچخان بىلەن بىللە ئىككى يىل ئوقۇدۇم. بىردىنلا پەلەك تەۋرەپ چۆرگىلەپ يېقىن ئۆتكەن ئاتىلىرىمىز بىر — بىرىگە قىلىچ ئېلىپ كەلگەنىكەن. رەھمەتلىك شاھ ئاتام قارشى ئالغىلى مېنىمۇ ئېلىپ چىققانىدى. ئەسلىرىدە باردۇ، مەلىكە خېنىم؟
— ئېسىمدە بولمامدىغان ئالتۇن تارىم. ئاتام ئۇ چاغدا مېنى بىلىك ئۆگىنىشلى بۇخارادا قويۇپ، ئۆزى غەزنەۋىگە قايتىپ كەتكەنىدى، ئىككى يىل بىللە ئوقۇدۇقۇ. پەلەك تەۋرەپ چۆرگىلەپ، باجا بولغان ئاتىلىرىمىز بىر — بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ، دۈشمەنگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.
— راست دېدىڭىز مەلىكە خېنىم، خارەزىمنىڭ ئېلىكخانى ناسىر شاھ، يۈسۈپ قادىرخان غازىلار بۇخاراغا باستۇرۇپ كىرىپ ئوردىنى ئىگىلىگەندە، ئاتام بىزنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنىكەن. مەن كېنىزەكلىرىم بىلەن ئەسىر ئېلىندىم. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ مېنى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخانغا نىكاھلاپ قويغان. ئوردو كېنتكە ئېلىپ كېلىپ كاتتا توي قىلىپ بەرگەنىدى. ئەسىرگە چۈشكەن چېغىمدىكى كۈلپەت — ئەلەملەرمۇ ماڭا بۈگۈنكىدەك مۇدەھىش تۇيۇلمىغان، ئاتا — ئانامدىن، تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن ئايرىلغىنىممۇ چىداپ كەلگەنىدىم، ئەمدى چىدىيالماي قىلىۋاتىمەن، — ئىزاده تۈركەن خاتۇن يىغلاپ كەتتى، خانىش، كېنىزەكلەرمۇ كۆز يېشى قىلىشتى.
— يىغلىمىسىلا، ئالتۇن تارىم، — يىغلاپ تۇرۇپ دېدى ئەردەنى تۈركەن خاتۇن، — ھەر ئىككىمىزنىڭ نىكاھى بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى بولغانىكەن، چىدىماي نېمە ئامال؟ … تەقدىرى قىسمەت!
— راست دەيدىلا ئالتۇن تارىم. — سۇلايمان ئارسلانخان مېنىڭ ئېرىمدەك گۈل، شەھۋەتپەرەس ئەمەس. ئېرىمنى تەختنى تارتىۋېلىشقا كۈشكۈرتكەن ئونىڭ نازىنىن خانىشى. بۇ ئەسلىدە ئېرىمنىڭ مۆددىئاسى ئەمەس! — ئەردەنى تۈركەن خاتۇن بۇ چاغقا قەدەر ھېچكىمگە دېمىگەن سىرنى ئېچىۋەتتى. — نېمە؟ نازىنىن خانىش؟! ئۇ كىم؟ — ئورنىدىن بىر قوزغىلىپ ئولتۇرغان ئايزادە تۈركەن خاتۇننىڭ قولىدىكى ئالتۇن جام سىلكىنىپ چاي تۆكۈلۈپ كەتتى. — بۇ يەردە ئىسمىنى ئاتىماي، — دېدى ئەردەنى تۈركەن خاتۇن باشقا بىر ھەم چۆرە — كېنىزەكلىرىگە قاراپ قويۇپ، — ئاشۇ نازىنىن ئېزىزتەقۋا كۆڭۈل، غەيۇر ئېرىم مۇھەممەد ئارسلانخاننى ئازدۇرۇپ خۇنخورغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ۋاپادار خوتۇنلىرىدىن يۈز ئۆرۈتۈپلا قالماي، بىر تۇغقان مەرتىلىك قېرىنداشلىرىدىن، ئەلدىن يۈز ئۆرۈتتى. ئەلدىن يۈز ئۆرۈگەن پادشاھ تەختتە ئۇزاق ئولتۇرالمايدۇ. ئەلمۇ ئونىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇ جېنىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇنى ئويلىسام، بېشىمىزغا يەنە قانداق قارا كۈنلەر كېلەر، دەپ ئەندىشە قىلىمەن، ئالتۇن تارىم. — ھە، ئەمدى بىلدىم، — دېدى ئايزادە تۈركەن خاتۇن كېنىزەكلەر ئېلىپ كىرگەن يېڭى چۆپنى يەڭگىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، — سىلى دېگەن ئۇ ئېزىزتەقۋا بەك چىرايلىق، خۇش خۇلق، سۆلكەتلىك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇنى بالاساغۇندا قېينىنىم بىلەن توي قىلغان چاغدا كۆرگەن. ئۇ چاغدا مەرھۇم قېينئاتام يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھ بۇ تويغا قوشۇلمىغان ئىدى. ئۇلار شۇنداق مۇڭدىشىپ كېچە كىرگەننى بىلمەي قالدى. — قايتىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قاپتۇ، شۇنچە ئىززەت-ھۆرمەت قىلىپ كۈتۈۋالغانلىرىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم، رەھمەت ئالتۇن
تارىم. تولا يىغلاپ، قايغۇرۇپ سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزۈپ قويمىسىلا، مەھمۇد تېگىن بالام بۇ كۆڭلەرنىمۇ ئۇتۇپ كېتىدۇ، دەيدۇ. بىزنىڭ چىدىماقتىن، سەۋر قىلماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق. پەرىشان بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدا قورغانغا بارسىلا، دەپ ئورنىدىن تۇرغان ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن غەمنىڭ يەڭگىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.
بۈگۈن ئىچىمدىكى دەردنى تۆكۈپ خېلى يېنىكلەپ قالدىم، سىڭلىم، رەھمەت يوقلاپ كەلگەنلىرىگە، دېدى ئايزادە تۈرگەن خاتۇن تۇنجى قېتىم «سىڭلىم» دەپ ئاتاپ.
ئاچا … ئاھ جانجىگىرىم، كېلىپ تۇرىمەن. بۇ يەردە سىلىدىن يېقىن كىشىم يوق، دېدى ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن ئۇنى قايتا قۇچاقلاپ.
ئايزادە تۈرگەن خاتۇن ئۇزىتىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا، ئورغاقدەك ئىنچىكە ئاي بۇلۇتلۇق كۆككە يېڭىلا كۆتۈرۈلگەنىدى.
3
بىر ھەپتە ئۆتتى. دەرەخلەر بىخ چىقىرىپ كۆكىرىشكە، ئوت چۆپلەر ئۈنۈشكە، ئىسسىق ياقلارغا كەتكەن قۇشلار كېلىشكە باشلىدى.
ھۆت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھاۋا ئېچىلىپ كېتەلمەيۋاتاتتى. ئۆتكەندە بىر قېتىم يامغۇر ياغقانچە ئىككىنچىلەپ تېمىپ باقمىدى. يامغۇر ئورنىغا توزان قاپلىغان ئاسماندىن توپا ياغاتتى. بەزىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئېزىتقۇ شامال بىلەن تەڭ قويۇنتاز پىرقراپ، دالا، ھويلا ئاراننى چاڭ توزانغا كۆمۈۋېتەتتى. ئارىلاپ بوران چىقىپ قوش ھەيدەۋاتقان، سۆرەم سېلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچۇرمايتتى. رومالنى بىر قايرىپ يەنە يېپىۋالغان جوۋاندەك
ھاۋا ياللىدە ئېچىلىپ، يەنە تۇتۇلۇپ كېتەتتى.
قىشۇ ياز ئېقىپ تۇرىدىغان ئارىق ئاراسدىن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بالىلار، يىگىتلەر چېلەك، سوغا بىلەن، قىز - چوكانلار كوزا بىلەن ئۆيلىرىگە سۇ توشۇيتتى. بىر قانچە تارامغا بۆلۈنگەن بۇ ئارىقنىڭ بىر ئېقىنى قورغاننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ «سۇلتانباغ» قا باراتتى. ئەگىز سۈيى بىلەن ئۆلغىيىپ دولقۇنلانغان ئېقىن قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تاشاتتى.
بىرنەچچە كۈندىن بېرى ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن بۇ ئېقىن ئۈستىگە سېلىنغان ئاسما كۆۋرۈككە يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق قويدۇرۇپ، تۈركەشلىگەن ئېقىنغا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولدى. ئۆ ئايزادە تۈرگەن خاتۇن بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەندىن بېرى، بۇ يەرگە ئاچىسىغا ئېچ ئاغرىتىپ ھەم ئەنسىرەپ، نەۋرىسى مەھمۇد تېگىننىڭ چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى، ئونىڭدىن ياخشى خەۋەر ئاڭلىغۇسى كېلەتتى. «ئارىقلاردىن مەنمۇ چىقمەن، مەلىكە ئاپا»، دەپ قالغىنىمۇ بىر ھەپتە بولغانىدى. يەنە نېمە ئىش بولدىكىن؟ بىچاره يەگەم ئايزادەگە بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزسەم بولاتتى، دەپ ئويلاپ كۆزلىرى تېشىلدى دېگەنىدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئونى قەشقەرگە يېڭى ئېلىپ كەلگەندە، مۇشۇ كۆركەم ئاسما كۆۋرۈكنى سالدۇرغانىدى، ئونىڭ ئۈستىدە بىلەن باغ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئو چاغدا ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم ئىدى. قاچانكى قۇماربېككە ئۆيلەندى، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەردە بىللە ئولتۇرۇشنى تەرك ئەتتى… مۆڭلىنىپ قالغان ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن كۆۋرۈك شادىسىغا ئېسىلىپ ئورنىدىن قوپتى. ئو ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن مەھمۇد تېگىننى كۆرگەنىدى. نەۋرىسىنىڭ تۇتۇلغان چېھرىدىن كۆڭلى پەرىشان ئىكەنلىكىنى قاراپلا بىلدى.
ئولتۇرۇسلا، قوزغالمايلا، مەلىكە ئابا، دېدى ئىتتىك كەلگەن مەھمۇد تېگىن مومىسىنىڭ قولتىقىدىن يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئوپالغا كەلگەندىن بېرى قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇلا، ئاغرىپ قالمىغانلا؟ مەنمۇ ۋاقتىدا چىقىپ خىزمەتلىرىدە بولالمىدىم، ئۇ مومىسىدىن ھال سورىغاچ، يانداپ قويۇلغان كۆرسىدە ئولتۇردى.
قول باغلاپ تۇرغان كېنىزەكلىرى خانىشنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن تاشخانىغا يۈگۈرۈشتى.
بالام، سىلى ئەتلا ئارقىلىرىدىن چىقمەن، دېگەچكە يوللىرىغا تولا قارىدىم. چولپانمۇ قەسىردە يوق ئىكەن. ئاڭلىسام ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنمىش. بىلمىدىم، كەلگىنىمدىن خەۋەر تاپتىمۇ، يوق؟ دېدى ئۇ ھال ئېيتىپ.
چولپان ئاتىسىنىڭكىگە كەتكەنمىكەن؟! بۇنىڭدىن مەنمۇ خەۋەرسىز. بىر ھەپتىدىن بېرى كەلمىگەن بولسا، بۇ سەۋەبسىز بولمىسا كېرەك، مەھمۇد تېگىن ئەجەبلەنگەن ھالدا ئويلىنىپ قالدى. «قېيىنئاتام، يا بولمىسا قېيىنئانام كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان ئوخشىمامدۇ. ئەھۋال ئېغىر بولمىسا، تۇرۇپ قالماي يېنىپ كېلەتتى…»
مەھمۇد تېگىن ئون يەتتە يېشىدا، ھاللىق دېھقاننىڭ قىزى چولپانئاينى نورۇز بايرىمى كۈنى «نورۇز بۇلاق» بويىدىكى مۇشائىرە سورۇنىدا كۆرۈپ قالغانىدى. قىزلار ئارا مۇشائىرە باشلانغاندا، چولپانئاي ئوقۇغان بېيىت مەھمۇد تېگىنگە ياراپ قېلىپ قىزغا كۆڭلى چۈشكەن. كېيىن بوۋا، مومىسى باشلىق بۇغراخان جەمەتىدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا بوي بەرمەي ئەمرىگە ئالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەختلىك ياشاپ كېلىۋاتاتتى. ئىككى ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىدى. ئوغۇللىرى شەھەردىكى مەدرىسەدە ئوقۇۋاتاتتى. ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن قىزى ئاتىسىنىڭ يېنىدا ئىدى. شۇلارنى ئويلىغان مەھمۇد تېگىن ئولتۇرالماي قالدى.
— مەلىكە ئابا، ئادەم ئەۋەتىپ ئوقۇپ باقساق بولارمىكىن، ئالمىدىس بىر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالغان بولسا، خەۋەرسىز قالمايلى يەنە، — دېدى ئۇ مومىسىغا ئىلتىجا بىلەن قاراپ.
— ماقۇل بالام، — ئەردەنى تۈرگەن خوتۇن ئېلىنىپ قېلىپ دېدى، — پادشاھ، شاھزادىلەر ئۈچۈن بىر خوتۇن ئازلىق قىلىدۇ، بىر خوتۇن بىلەن ئۆتكەنلەر يوق دېيەرلىك. سىلىمۇ ئاتىلىرىنى دوراپ بىر خوتۇن بىلەنلا ئۆتۈۋاتىلا، بالام. خان جەمەتىدىن بىر قىزغا ئۆيلىنىۋالسلا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى ئىدى، شاھىنشاھ بوۋىلىرىمۇ خوش بولاتتى. توقال چۆرىلىرىمۇ يوق … ئىچلىرى پۇشماي قانداق تاقەت قىلىپ تۇرۇۋاتىدىكىن؟
«مەلىكە ئابا» دەپ ھۆرمەت قىلىدىغان مومىسىنىڭ تۈز كۆڭۈللۈكىدىن مەھمۇد تېگىن كۈلۈۋېتىشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ دېدى:
— بۈزرۈكۋارىم، مەن ئانىلارنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىمەن، قەدىرلەيمەن. ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ بىرلا ھاۋائانىمىز بىلەن ئۆتۈپتكەن. كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەمەس، بەندىلەرنىڭ خاھىشىدۇر. شەرىئەت ھۆكۈمىدە، شارائىتى تولۇق بىر ئەر كىشىنىڭ تۆت خوتۇن ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتقانلىق ئەمەس، بەلكى سان جەھەتتە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان ئاياللارنى تۇرمۇشتا كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئاسراش، يامان يولغا كىرىپ كېتىشلىكىنى مەقسەت قىلغان. لېكىن، ھەممە ئادەمنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىنى شەرىئەت تەرغىب قىلمايدۇ، يېقىرمۇ بۇنىڭغا ئەمەل قىلدىم. شۇڭا، تۇرمۇشۇم كۆپ خوتۇنلۇق شاھزادىلەرگە قارىغاندا كۆپ خاتىرجەم.
— بىلمەن، بىلمەن، بۈگۈ بىلگە بالام، — سىلىنىڭ ئائىلىلىرى ناھايىتى بەختلىك. راست، پادشاھقا تەگكەن خوتۇنلار ھەم چۆرىلەر ئۆزلىرىنى ئۆنداق بەختىيار ھېس
قىلمايدۇ، بۇ ماڭا ئايان. لېكىن، سىلى پۇقرا ئەمەس، شاھزادە، شاھىنشاھنىڭ ئارزۇلۇق نەۋرىسى. سىلىگە بىر خوتۇن ئەلۋەتتە ئازلىق قىلىدۇ. بولدى، بۇ گەپنى قىلماي. ئېيتسىلا بالام، بۇغرا قاراخان بوۋىلىرىنىڭ ھالى قانداقراق؟ ئاكىسىنى زىنداندىن چىقاردىمۇ؟ خوش خەۋەرلەرنى ئېيتسىلا بالام.
مەھمۇد تېگىن نېمىدەپ جاۋاب بېرىسەم بولار، دەپ جىم ئولتۇرۇپ كەتتى.
— بالام، گەپ قىلمايلىغۇ — ھە، چولپانئايغا ئادەم ماڭدۇرۇۋېتىپ، — ئەردەنى تۈرگەن خوتۇن كېنىزەكنى بۇيرۇماقچى بولۇۋاتىدۇ، مەھمۇد تېگىن:
— تۇرۇمتاي، قېيىنئاتامنىڭ قورۇسىغا بېرىپ بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى ئېيتىپ قويغىن … نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقۇپ دەرھال قايتقىن، — دېدى خاس مۇلازىمىغا.
تۇرۇمتاي قورغاندىن چىقىپ ئۇچقاندەك چېپىپ كەتتى.
— مەلىكە ئاپا، — دېدى مەھمۇد تېگىن غەمكىن ھالدا، — مەن بۇ قېتىم خوش خەۋەر ئېلىپ كېلەلمىدىم.
— خوش خەۋەر ئېلىپ كېلەلمىدىم؟ بۇ نېمە دېگىنىلىرى بالام؟ ۋاي خۇدايىم، بەكمۇ ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن، يەڭگەم ئايزادە تۈرگەن خوتۇنغا ئەمدى نېمە دەرمەن، بىر خوش خەۋەر ئېلىپ بېرىپ قايغۇسىنى يېنىكلىتەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، — ئەردەنى تۈرگەن خوتۇن ئېغىر تىنىپ بېشىنى چايقاپ قويدى، — ئېيتسىلا، شاھىنشاھ بوۋىلىرى يۇمشاي دېمىدىمۇ؟
— بوۋامنى سوغۇق سەتچى مەككارلار ئالداپ خالتىسىغا چۈشۈرۈۋالدى، مەلىكە ئاپا. ئۇ ئاكىسىنى زىنداندىن چىقارمايلا قالماستىن، يوقلاپ زىندانغا بارغانلارنى كۆرۈشتۈرمەسلىك توغرىسىدا پەرمان چىقىرىپتۇ. قان ئىچەر جاللاتنى زىندان بېشى قىلىپ، ئىلگىرىكى زىندان بېشىنى چاھقا تاشلاشقا ئەمەر قىپتۇ. ھەتتا مەنمۇ زىندانغا بېرىپ، سۇلايمان ئارسلانخان بوۋام بىلەن كۆرۈشەلمەي قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
— بوۋىلىرى مەردانە، ئاق كۆڭۈل، قەيسەر شاھ ئىدى. ئۇنىڭغا ھەممە ياۋۇزلۇقنى قىلدۇرۇۋاتقان ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربىكە، بالام. خان بوۋىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى، بىزنىمۇ ئۇنتۇلدۇردى، ئۇ جۆۋاينىمىكىنىڭ جازاسىنى خۇدايىم ئۆزى بېرەر! يوشۇرماي ئېيتىسلا بالام، يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟
مەھمۇد تېكىننىڭ چىكە تومۇرلىرى لىپىلداپ، باغرى تارتىشقاندەك بولدى.
— دېگەنلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق، مەلىكە ئاپا. قۇماربىكە جەمەتىمىزنىڭ ئېتىزىغا ئۈنۈپ قالغان شۇمبۇيا. ئۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىغا زىددىيەت تېپىپ، ئارىنى بۇزۇپ، بۇغرا قاراخاننى ئاغدۇرۇپ ئوغلىنى خان قىلىپ تىكلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر قىساسچى قارلۇقلارنى ئەتراپىغا توپلىماقتا. يۇغرۇش باشمۇ، قاپۇقچى باشمۇ قارلۇق، ئۇيغۇرلاردىن بولغانلىرى زىنداندا، ئۆلۈشكۈن ياقۇپ تېكىنمۇ زىندانغا تاشلاندى. ئەگەر قۇماربىكە تىزگىننى تۇتۇۋالغان ئاتتىن بوۋامنى يىقىتىپ، ئۆزى مىنىۋالىدىغان بولسا، بېشىمىزغا بالا بولىدۇ. تەڭرىم ئۇنى بۇ شۇم نىيىتىگە ھەرگىز يەتكۈزمىگەي!
— ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم، ئەمدى يەڭگەمگە نېمە دەرمەن… ياقۇپ تېكىن ئۆيلەنمىگەن ياش بالىغۇ، ئۇنى نېمىشقا زىندانغا تاشلايدۇ؟ باغرى لەختە — لەختە بولۇپ كەتكەن يەڭگەمگە بۇنى ئېيتسام كۆتۈرەلەرمۇ؟ ئېسىت — ئېسىت! — يۈرىكى ئېچىشقان خانىش مەھمۇد تېكىننىڭ مۈرىسىگە باش قويۇپ يىغلاپ كەتتى.
— يىغلىمىسىلا مەلىكە ئاپا، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللا ئۆزەم غېمىمىزنى ئۆزى قىلىدۇ، — تەسەللى بېرىپ مومىسىنى يىغىدىن توختاتقان شاھزادە سۆزىنى داۋام قىلدى، — سۇلايمان ئارسلانخان بوۋامنىڭ بۇ ئوغلى ساچىيە مەدرىسىسىدە ئوبدان
ئوقۇۋاتاتتى. ئۇ ئاتىسىنى يوقلاپ زىندانغا بارغاندا كۆرۈشتۈرمەپتۇ. ئاچچىقلانغان ياش يىگىت قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، ئالدىنى توسۇغان ياساۋۇلنى قورقۇتۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن زىندان بېشى مۇڭسۇزبەگ ياساۋۇللىرى بىلەن كېلىپ ئۇنى باسماقداپ تۇتۇۋاپتۇ.
- خۇدايىم ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي. ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ ھەسەن تېگىن ھازىر بالاساغۇندا تۇرۇۋاتامدۇ؟
- شۇنداق، مەلىكە ئابا.
- ئاتىسىنىڭ زىندانغا تاشلانغىنىدىن خەۋەر تاپقاندىمۇ، بالام؟
- تېخى خەۋەر تاپمىغان بولسا كېرەك، مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋام قاپۇغچى بېشى قارلۇق دوقاقبەگنى سۇباشى قىلىپ، بالاساغۇنغا ئۈچ تۈمەن لەشكەر ماڭدۇرۇپتۇ.
- يەنە ئۇرۇش بولىدىكەن - دە، بالام؟
- ئەبۇ ھەسەن تېگىن ناھايىتى مۇستەبىداتلىق ھۆكۈمدار. بالاساغۇنغا ئېلىكخان بولغاندىن بېرى ئادالەت بىلەن ئەل سوراپ، ئاۋامنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئاتىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ زىندانغا تاشلانغىنىنى بىلسە، ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ كېلىشى مۇقرەرەر. ئۇ ۋەلىئەھەد بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋامنىڭ بۇغرا قاراخان بولغىنىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ، مەلىكە ئابا، - مەھمۇد تېگىن سۆزدىن توختاپ، كۆز يېتىم يەردىكى باغ ئىشىكىگە قاراپ قويدى. ئۇ مەھبۇبىنىڭ تېزرەك كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.
- بالام، ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى. ھەرقاچان تاماقمۇ تەييار بولۇپ قالدى، - ئەردەنى تۈركەن خاتۇن ئورنىدىن تۇردى. ئۇلار دېرىزىلىرى باغقا قارىغان ئايۋان ئۆيگە كىرىشى بىلەن تەڭ، كېنىزەكلەر داستىخان سالدى.
- بالام جەڭ باشلىنىپ قالسا، مۇھەممەد ئارسلانخان
بۆۋىلىرىغا زىيان - زەخمەت يېتىپ قالارمۇ؟
مۇمىسنىڭ تولىراق ئۆزىگە خەۋپ يېتىشتىن ئەنسىرەۋاتقىنىنى بىلگەن مەھمۇد تېگىپ كەتكەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ دېدى:
-
جەڭ بولۇپ قالغان تەقدىردە، مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋام ئاسان مەغلۇپ بولمايدۇ، ئاتام ئۇنى قوللايدۇ، پۈتۈن قارلۇق قەبىلىسىمۇ ئۇنىڭ تەرەپدارى. ئەمما، مەن ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۇ مەغلۇپ بولمىسا ئەل تىنچىمايدۇ، مەلىكە ئابا.
-
نېمە دەۋاتىلا بالام، ئۇ مەغلۇپ بولسا، ئاتىلىرىمۇ، بىزمۇ ئامان قالمايمىز، - دېدى ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن يەنە يىغا باشلاپ.
-
ياق، مەلىكە ئابا، ئۇ مەغلۇپ بولسا، ئاتاممۇ ھەققانىيەت تەرەپكە ئۆتىدۇ، بوۋاممۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ، بىزگە چوك زەرەر يەتمەيدۇ، سۇلايمان ئارسلانخان بوۋام ئۇنداق رەھىمسىز ئەمەس، يۇغرۇش بېشى بەگىيۈسۈپ ئادالەتنى ياقلىغۇچى بۈگۈ بىلگە. زىيان تارتىدىغانلار - قارا نىيەت خۇنخور سويقەستچىلەر بولىدۇ، - ئۇ سۆزلەۋېتىپ، ئىشىكتىن كىرگەن تۆت ياشلاردىكى قىزى ئالتۇنئاينى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى.
-
ئابا، ئابا، - دەپ يۈگۈرۈپ كەلگەن قىز ئاتىسىغا ئېسىلدى. مەھمۇد تېگىپ كەتكەن ئۇنى كۆتۈرۈۋالدى.
ئۇنىڭ كەينىدىن چولپانئاي كىرىپ كەلدى. ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن بىلەن مەھمۇد مەھزۇن مەھزۇن بېقىپ كۆرۈشتى. مەھمۇد تېگىپ كەتكەن تەزىم قىلدى، قۇتلۇق نەزىرى بىلەن ھال سورىدى. ئۇنىڭ لەۋەن چېھرى غەمكىن، قارا كۆزلىرى ياش يۇقى ئىدى. ئېرىنىڭ سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلىشىدىن كۆڭلىدىكىنى پەملەپ، ئاۋۋال ئېغىز ئاچتى:
- ئۆتكەن ھەپتە مېنى قىپچاقچىلىق ئاتام بالا ئەۋەتكەنكەن.
بارسام ئانام يۆتۈلۈپ يېتىپتۇ، مېنى ئاران تونۇدى، پېشانىسىنى تۇتسام ئوتتەك قىزىق، ئاتاساغۇننى شەھەردىن ئېلىپ چىقىپ كۆرسەتتۇق. «سوغۇق تېگىپ ئۆپكىسى ئىششىپتۇ، ئەھۋالى ئېغىرراق…» دەپ، دورا راسلاپ بەردى. ئۈچ - تۆت كۈندىن بېرى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ، بۈگۈن قىزىتمىسى خېلىلا يېنىپ قاپتۇ. سىلىنى چىقىپ قالدىمىكىن، دەپ قايتىپ كېتىش ئۈچۈن جابدۇنۇۋاتاتتىم. خاس مۇلازىملىرى كېلىپ، مەلىكە ئابامنىڭ شەھەردىن چىققانلىقىنى، سىلىنىڭ بۈگۈن كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى، دەرھال كېلىشىم، — قوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان چولپانئاي تۈركنىڭ خوتۇننىڭ قول ئىشارىتى بىلەن يېقىندازدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.
— بىزمۇ ئوقماي قاپتىمىز، بالام. ئوپالغا كەلگەندىن بېرى سىلىنى كۆپ ئويلىدىم. بۇۋىراپىيە ئابالارنىڭ ئورنىدا خىزمىتىمنى قىلىپ مېنى بەكمۇ خۇش قىلغانىدىلا، بۇ دورەم چىقسام سىلى يوق، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ بىرنەچچە كۈننى دىققەتچىلىكتە ئۆتكۈزۈدۈم. خەيرىيەت، ئابالىرى ياخشىلىنىپ قاپتۇ، بىر كۈنى سىلى بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈپ كېلەي، — دېدى ئەردەنى تۈركنەن خوتۇن.
ئۇ بۇ كەمگىچە خان جەمەتىدىن بولمىغان بۇ كېلىنگە بۇنداق مۇلايىم سۆز قىلمىغان، ئەھۋالامۇ سوراپ باقمىغانىدى.
— رەھمەت، مەلىكە ئابا. ۋاقتىدا كېلىپ خىزمەتلىرىدە بولالمىغىنىمدىن ناھايىتى خىجىلمەن…
— ئانىسى، قېيىنئانامنى بۈگۈنلا بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن. ئەگەر تازا ئوڭشىنىپ كەتمىگەن بولسا، شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ داۋالىتىمەن. قايغۇرماڭ، مەلىكە ئابامغا ئوبدان ھەمرا بولۇڭ، نېمە لازىم بولسا ئېيتىڭ، ئوردوخانىتىن بۇرۇن تەييارلاپ بېرىي، — دېدى مەھمۇد تېگىن.
— بۈگۈنلا كېتەملا؟ — ئالدىراپ سورىدى چولپانئاي.
— ياق، ئابام بۈگۈن كەتمەيدۇ… كەتمەيدۇ، — دېدى
ئالتۇنئاي مەھمۇد تېگىننىڭ يېپىشىپ، ئابا كەتمەيسەن ھە! كەتمىگىن، بولامدۇ؟ ئاتىنىڭ يۈرىكى شۇرىدە ئۆركەنەشكەن بولدى.. ماقۇل بالام، بۈگۈن كەتمەي. كېنىزەكلەر تەخسىلەردە نان، چىنەلەردە شورپا كەلتۈردى. مەھمۇد تېگىن تاماقتىن ئىشتىھا بىلەن يەۋېتىپ گېلى غىققىدە بولدى دە، قوشۇقنى داستىخانغا قويۇپ قويدى. خىيالىغا ئاتا ئانىسى كەلگەنىدى. بىلگە خاتۇن بۆھرابىيە ئوپالدىكى چېغىدا، ئۇ چىقىسلا خوش چىراي قارىشى ئالاتتى، چولپانئاينىمۇ ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى، نەۋرىلىرىنى قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئوينىتاتتى. ئېيغىر بېسىق، كەم سۆز بولغان ئاتىسى بىر چەتتە قاراپ ئولتۇراتتى … ئۇلار بىلەن قاچان كۆرۈشەركىن؟ مەھمۇد تېگىن ئۇلارنى سېغىنغانىدى. ئۇنىڭ خىيالى زىنداندىكىلەرگە يۆتكەلدى: «مۇشۇ تاپتا ئۇلار ئۇماچ ئىچىۋاتقاندۇمۇ، زاغرا يەۋاتقاندۇمۇ ياكى ئاچ زار تېلمۈرۈپ ئولتۇرۇشقاندۇمۇ؟ دىلداربىكە ئۇلارنى يوقلاپ تۇردىمىكىن …» ئۇلار تاماقتىن يەپ بولۇشتى. دۇئادىن كېيىن: بالام، سىلىدىن ئۆتۈنىدىغان بىر ئىش بار ئىدى، دېدى ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن. ئېيتسىلا بۈزرۈكۋارىم، خۇدا بۇيرۇسا جان تېنىم بىلەن ئادا قىلىمەن. ئايزادە تۈرگەن خاتۇننىڭ سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن بىر كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن، بونى مۇھەممەد ئارسلانخانغا دەپ باققان بولسىلا. مەھمۇد تېگىن مومىسىنى نائۈمىد قىلماسلىق ئۈچۈن دېدى: ماقۇل، مەلىكە، ئابا. ئوردىكەنتكە بېرىپلا بۇۋامغا ئېيتاي، ئۇنى ماقۇل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. زىنداندىكىلەر بىلەن زادى ھېچكىمنى كۆرۈشتۈرمەيۋېتىپتۇمۇ، بالام؟
— ئۆتكىنى ھەپتىگىچە ھېچكىمنى كۆرۈشتۈرمىگەنىكەن، لېكىن بىر مەھسۇمە بۈگۈن بىلگە ئايالنى كۆرۈشتۈرۈپتۇ. — ئەجەب — ھە، كىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ؟ — بەگىيۈسۈپ يۇغرۇش بېشى بىلەن. — بەگىيۈسۈپ ئۇ ئايالنىڭ نېمىسى ئىكەن؟ — تۇغقىنى ئىكەن، مەلىكە ئابا. — سىلى بۇنى قانداق بىلدىلى بالام؟ مەھمۇد تېگىن چولپانئايغا قاراپ قويۇپ جاۋاب بەردى: — تۆت كۈن بۇرۇن ئەتەنگەندە ئوردىدىن چىقىشىمغا، قارا پەرىجە يېپىنغان بىر ئايال ئالدىمغا كېلىپ سالام قىلدى: «شاھزادە، زىندانغا بېرىپ بۈگۈن بىلگە بەگىيۈسۈپ بىلەن كۆرۈشكەندىم. ئۇنىڭ ئامانەت سالىمىنى يەتكۈزەي، دەپ كۈتۈپ تۇرسام چىقىپ قالدىلا» دېدى. مەن ھەيران بولۇپ: «ھېچكىم بىلەن، ھەتتا مەن بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمىگەنىدى، سىلىنى قانداق بولۇپ كۆرۈشتۈردى؟» دەپ سورىسام، «تەڭرىم ئاسان قىلدى، شاھزادە. بەگىيۈسۈپ: سۇلايمان ئارسلانخان ئائىلىرى كېسەل ئوخشايدۇ، مەھمۇد تېگىنگە ئېيتىپ قويۇڭ، دەپ تاپىلىدى، شۇڭا كېلىۋېدىم» دەپ خوشلىشىپ كەتتى. — كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىدىلىمۇ بالام؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر سىر بار، — دېدى ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن. — بۇ قېتىم ئوردۇكەنتكە بېرىپ، بۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرىمەن، مەلىكە ئابا. رۇخسەت قىلسىلا، قەبىننامىنى يوقلاپ كېلەي، — دەپ ئورنىدىن تۇردى مەھمۇد تېگىن. — ئەتە مەن بىلەن خوشلىشىپ ماڭسىلا، بالام. — ئەلۋەتتە، دۇئالىرىنى ئېلىپ ماڭىمەن …
ئۇ كەلگەندە كۈن پاتقانىدى. خوش بولۇپ كەتكەن چولپانئاي تونىنى سالدۇرۇپ، قولىغا سۇ بېرىپ خانىسىغا باشلىدى.
ئالتۇنئاي ئاتىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ كۆۋرۈكتە بىللە ئۆتۈردى.
— ئابا، مومام قانداق ئىكەن؟
— ساقىيىپ قاپتۇ، بالام.
— ساقىيىپتۇ، مومام ساقىيىپتۇ، ئەتە بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن، — دېدى خۇشال بولۇپ كەتكەن ئالتۇنئاي.
چولپانئاي قەپەستىكى شام چىراغلارنى ياقاتتى. چىرايلىق زىننەتلەنگەن ئۆي يالتىراپ يورۇدى. كۆكتە پارلىغان ئاينىڭ نۇرىمۇ دەرىزىدىن ئۆيگە چۈشتى …
ئېرىنىڭ تۇتۇق چىرايىنىڭ ئېچىلىپ قالغىنىنى كۆرگەن چولپانئاي بايا كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان سوئالنى سورىدى:
— ئېيتسىلا شاھزادەم، ھېچكىمنى كۆرۈشتۈرمەيۋاتقاندا زىنداندىكى توغقىنى بىلەن كۆرۈشكەن ھېلىقى ئايالنىڭ ئېتى نېمە ئىكەن؟
مەھمۇد تېگىن ئەجەبلىنگەن ھالدا خوتۇنىغا شۇنداقلا بىر قاراپ:
— تېخى بىلگۈدەك بولمىدىم، — دېدى، چولپانئاي:
— سىلىنى ئۆزى ئىزدەپ بېرىپتىغۇ، ماڭىمۇ ئېيتىمامدۇلا؟ بولدى، سورىمىدىم، — دەپ دومسىيىۋالدى. ئونىڭ ئون تۆت كۈنلۈك ئايدەك نۇرلوق چىرايى، بۇلۇت توسۇۋالغاندەك تۇتۇلدى، — مەن زادى سىلىگە لايىق ئەمەس شاھزادە، دېيىشنى خالىمىسىلا مەيلى …
«غۇبارسىز كۆڭلىنى رەنجىتمەي» دەپ ئويلىغان شاھزادە خوتۇنىنىڭ يېنىدىن ئاستا تارتتى:
— ئونىڭ ئىسمى دىلداربىكە، كىشىلەر ئونى بىلگە خاتۇن دىلدار ئاغىچا، دەپ ئاتىشىدۇ. ئىسمىنى ئاشكارىلاش ئونىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن، بايا خانىش، چۆرىلەر ئالدىدا مەلىكە ئاپامغىمۇ ئېيتىمىغانىدىم، كەچۈرۈڭ مەلىكەم، سىزنى رەنجىتىپ قويۇپتىمەن.
ئېرىنى ئۆتكەيسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن چولپانئاي قىزىرىپ كەتتى:
— شاھزادەم، سورىمىسام ياخشى بوپتىكەن، نېمە ئۈچۈندۇر بىلگۈم كېلىپ دىللىرىنى چىگىپ قويدۇم، خاپا بولمىسىلا.
— نېمىشقا خاپا بولاي، مەلىكەم، سۆيگەن مەھبۇبەمنىڭ غۇبارسىز قەلبىدىكى ماڭا بولغان ئىشەنچىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقى بۈگۈن ئاخشام تېخىمۇ ئايدىڭ بولدى. يەنە شۇنىمۇ بىلىپ قىلىڭكى مەلىكەم، دىلداربىكە زىندانغا بېرىپ، زىندان بېشى قان ئىچەر مۆگۈزنى ئۆز پاساھىتى، جاسارىتى بىلەن ھەيران قالدۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆپ تىللا بېرىپ ماقۇل قىلىپتۇ. بەزى چاغلاردا مەن — مەن دېگەن ئەرلەر قىلالمىغان ئىشنى ئاياللار نازاكىتى، جاسارىتى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.
— نېمىدېگەن جەسۇر قىز — ھە … ياتلىق بولغانمىكەن؟
مەھمۇد تېگىن باش چايدى.
— تېخى ياتلىق بولمىغان، ئۇ تېخى قىز.
— قىز؟ — بەكلا ھەيران قالغان چولپانئاي ئىختىيارسىز سورىدى:
— شاھزادەم، ئۇ قانچە ياشتا ئىكەن؟
— بۇ يىل ئوتتۇز بەش ياشقا كىرىپتۇ.
— ھە! — دەۋەتتى چولپانئاي، — ئوتتۇز بەش ياشلىق قىزمۇ بولىدىكەن — ھە! ئۇ نېمىشقا ياتلىق بولمىغاندۇ؟
— بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. ئۇ تېخى بەگىيۈسۈپنىڭ خوتۇن — بالىلىرىنى ئۆز قورۇسىدا خۇپىيانا ساقلاۋېتىپتۇ، ماڭا ئۆزى دەپ بەردى. دۇنيادا مانا شۇنداق پىداكار ئاياللار بار. ئۇ تېخى بەگىيۈسۈپنى قۇتۇلدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ …
— تەڭرىم ئۇنىڭغا مەدەتكار بولسۇن. شاھزادەم، ئۇ بەگىيۈسۈپنى قانداق قۇتۇلدۇرىدىكەن؟
— دىلداربىكە كاتتا ئاتاساغۇن، ئۇنى تونۇيدىغانلار كۆپ، ئاۋام ئىچىدە ئابرۇيى ئۈستۈن. ئۇنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىگە
قارىغاندا، ساچىيە مەدرىسىسىدە ئوقۇۋاتقان تالىپلار ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىخلاس قىلىدىغان قىز - يىگىتلەردىن پىداكارلارنى تاللاپ، زىندانغا باستۇرۇپ كىرىدىكەن. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك بولسىمۇ، تەۋەككۈل قىلماقچى بولۇشۇپتۇ.
— نېمىدىگەن ئەقىللىق، غەيۇر قىز - ھە! مېنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. سىلى قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلا، — دېدى چولپانئاي ھاياجانلىنىپ.
— ئەلۋەتتە، قاراپ تۇرمايمەن، مەلىكەم …
چولپانئاي ئۇخلاپ قالغان قىزنى ھۇجرىسىدا ياتقۇزۇپ قويۇپ چىقتى:
— شاھزادەم، ھارغانلا، ئورۇن راسلاپ قويدۇم …
قەندىلدىكى شام ئۆچتى، كۆكتىكى چىراغ كېچىچە چاقناپ تۇردى …
4
كۈن نۇرى كۈمۈش ئاسقۇدىكى شاھى سەللىگە چۈشكەندە، مۇھەممەد ئارسلانخان ئويغاندى. «يەنە ئاق بولۇپ كېتىپتۇ» دەپ غودۇڭشۇپ، مېيىتنىڭكىدەك ئىسسىق قولنى ئاستا ئىتتىردى. يالتىلداپ كۆزىنى ئاچقان قۇماربىكە كۆكسىنى يېقىپ تولغاندى.
— شاھىنشاھىم، يەنە بىر ئاز ياتمامدىلا؟
— ھېلىمۇ چاشكا ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، ناماز قازا بوپتۇ، ئىككىمىزگە … — بوشىشىپ كەتكەن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قوپقۇسى كەلمەي، ئولتۇرغىنىچە ياستۇققا يۆلەندى، — ئوھ، قوش سۈرگەندەك ئەجەب چارچاپ كېتىپتەمەن، ئابىنچۇ خاتۇن.
قۇماربىكە مىيىقىدا كۈلۈپ، ئۇنىڭ توك بېسىپ كەتكەن پۇت - قولىنى ئۇۋۇلاپ، سىلاشقا كىرىشتى.
— ھازىرلا دەرمانلىرىغا كېلىلا خاقانىم.
— قېرىپ قالغان ئوخشايمەن، ئابىنچۇ خاتۇن.
— ئۇنداق دېمىسىلە خاقانىم، مەن سىلىنى قېرىتمايمەن. — ياق - ياق، ئاپىنچۇ خاتۇن، سىز بىلەن بىللە بولساملا مانا شۇنداق ھالسىزلىنىپ كېتىدىغان بولدۇم. — ئۇنداق بولسا بۇنىڭدىن كېيىن كۈمۈش تارىم قىلىچخاننىڭ قەسرىدە قونۇپ قالسىلا، ماغدۇرلىرىغا كېلىپ قالىلا، — قۇماربىكە كەينىنى قىلىپ دۈمبىسۋالدى. — ئۇنداق قىلماڭ ئاپىنچۇ خاتۇن، سىزنى بىر كۈن كۆرمىسەم، تاقىتىم تاق بولۇپ چىدىيالماي كېتىمەن. قىلىچخان سىزدىن ياش بولسىمۇ، سىزدەك خۇش خۇلق، نازىنىن ئەمەس. قۇماربىكە ناز بىلەن كۈلۈپ، ئۇنىڭ بوم ساقىلىغا مەڭزىنى سۈركىدى. — شاھىنشاھىم، مەنمۇ سىلىدىن دەقىقە ئايرىلىشنى خالىمايمەن … — ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە سىز بىلەنلا ئۆتىمەن، ئاپىنچۇ خاتۇن. — ئەردەنى تۈركەن خاتۇن بىلەنچۇ؟ — ئۇ قېرىپ قالدى. كۈتۈشكە موھتاج، ئايدا - يىلدا بىر كۆرۈنۈش قىلىپ قويدۇم بولدى. — كۈمۈش تارىم سۆسۈن ئايىپكەچۇ؟ — ئۇ ھازازۇلنى كۆرۈرگە كۆزۈم يوق، ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ. — قىلىچخاننى ياقىتۇراملا؟ — ياقىتۇرۇشۇم ياقىتۇرىمەن. ئۆزىدىن كۆرە ئۇسسۇلىغا، ناخشىسىغا خوشتارمەن، بۇنى دېمىسەم ئاللىبۇرۇن ئوردىدىن ھەيدەپ چىقىراتتىم. سىز دېگەن باشقىچە بىر نازاكەتلىك ئايال، ھەرقانداق گۈزەلگە تەڭ قىلمايمەن. قۇماربىكە مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خالتىلىشىپ قورۇق باسقان يۈزىگە، چاچلىرى شالاقلاپ كەتكەن بېشىغا، ئاقارغان بۇرۇت - ساقاللىرىغا قاراپ ئۈنسىز كۈلدى.
— سىلى بەك تەمبەل، كۈچتۈڭگۈر، شاھىنشاھىم … — ياق — ياق، ئابىنچۇ خاتۇن، ئاشۇرۇۋەتمەڭ، قېرىپ قالغىنىم ھەممىدىنمۇ سىزگە بەكرەك ئايان. بۇغرا قاراخانلىق تەختىدە ئۇزاق ئولتۇرالمايدىغاندەك قىلىمەن، — مۇھەممەد ئارسلانخان ئېغىر تىندى. — ئۇنداق دېمىسىلە خاقانىم، ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن بولغاي ئىلاھىم، — دېدى خانىش كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئالماي مۇنداقلا سوراپ قويغاندەك، — ئالماستىن شۇنداق بولۇپ قالسا، تەخت ۋارىسلىقىغا كىمنى ئويلاپ قويدىلا؟ — ئوغلۇم ھۈسەيىن ئارسلانخاننى … قۇماربەككە ئەندىشە كەتتى. — ئۇ بارسغان دىيارىنىڭ ئېلىكخانى تۇرسا … — ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلىڭىز ئىبراھىم تەگىننى ئېلىكخان قىلماقچىمەن. — نېمە؟ — قۇماربەككە ناھايىتى يوغاندەك ئېچىلغان كۆزلىرىدىن يېشىل ئۇچقۇن چاچرىدى، — مەن ئوغلۇمنى ئوردىدىن ھېچ يەرگە ئەۋەتمەيمەن، شاھىم. — مەن ئەمىر قىلسامچۇ. — ئۇ ھالدا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىمەن، — دېدى بېشىنى ئاستا كۆتۈرگەن قۇماربەك قوللىرىنى يىغىپ، — مەن ئوغلۇمدىن ئايرىلالمايمەن. — قېرىغان چېغىمدا مەملىكەت غېمىدىن نېرى بولۇپ، سىز بىلەنلا ھايات پەيزىنى سۈرەي دەيمەن. ئابىنچۇ خاتۇن. ھازىر ھەرقايسى ۋىلايەت — ئايماقلاردا ماڭا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈلمەكتە ياكى كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئوغلۇم ھۈسەيىن ئارسلانخان چاققان — تەدبىرلىك، جۈرئەتلىك ئادەم بولدى. ئىبراھىم تەگىن بولسا تېخى ياش، جەڭلەرگە قاتنىشىپ باقمىغان، ئۆزىنى توختاتمىغان. ئۇ ئېلىكخان بولۇپ دۆلەتنى باشقۇرۇشنى، ئەلنى ئىدارە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. شۇڭا،
98
بۇ قارارىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن.
قۇماربىكە مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قارا مەھكۇم قاپلاپ كەتكەن قوللىرىغا لېۋىنى باستى. خېلىغىچە جىم بولۇپ كېتىپ ئېغىر تىن ئالدى - دە، يىغلامسىراپ پىچىرلىدى:
-
خاقانىم، ياش بولساممۇ ھۈسەيىن ئارسلانخانغىمۇ ئانامەن. تەختلىرىدە ئۇ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، ئوغلۇم ئۆلتۈرۈلسىمۇ ماڭا بەرىبىر. ئەمما، ئوغلۇمنى ئوردىكەنتتە قالدۇرۇشلىرىنى ئاياغلىرىغا باش قويۇپ ئۆتۈنىمەن، - قۇماربىكە ئېرىنىڭ پۇتلىرىغا سۆيدى.
-
ماقۇل، ئېپىنچۇ خاتۇن، مەن قاچان سىزنىڭ گېپىڭىزنى يەردە قويغان. بىرەر يىل ئۆتسۇن، ئاندىن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشەيلى، - مۇھەممەد ئارسلانخان گەپنى بۇرۇۋەتتى، - ئاتىڭىزنىڭ قىساسىنى ئالماقچى بولۇۋاتقان ئەبۇ ھەسەن تېگىنگە قارىشى دوقابەگنى ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن بالاساغۇنغا ماڭدۇرغانىدىم. ئوغلۇم ھۈسەيىن ئارسلانخانغا ئونىڭغا ياردەم بېرىشنى بۇيرۇپ چاپارمان ئەۋەتكەنىدىم، خەۋەر كۈتۈۋاتىمەن. ئەبۇ ھەسەننى يوقىتسام، مەملىكەت تىنچىيتتى، تەختىمنى ئوغلۇمغا خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ بەرسەم بار.
-
ئەلۋەتتە، خاقانىم، دوقابەگدىن خەۋەر بارمۇ؟ - قۇماربىكە ئۆزىنىڭ مەيدىسىنى سىلاشقا تۇتۇندى.
-
تېخى يوق، پات ئارىدا كېلىپ قالار.
-
ئاكىلىرى سۇلايمان ئارسلانخاننى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىلا، خاقانىم؟
-
مۇشۇ ئىش بېشىمنى قاتۇرۇۋاتىدۇ. قەيسەربەگ، يەنە بىر قانچە يۇغرۇش، سۇباشلار ئاكامنى قەتلى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشىۋاتىدۇ. نەۋرەم مەھمۇد تېگىن باشلىق خېلى كۆپ دۆلەت ئەركانلىرى ئونى ئۆلتۈرمەسلىكنى، زىنداندىن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشىۋاتىدۇ.
-
خاقانىم، سىلى نېمىنداق باغرى يۇمشاقلىق قىلىدىلا، ئۆتكىنىدە، سۇلايمان ئارسلانخاننى قويۇپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنۈشۈمنىڭ ناھايىتى ئەخمىقانى تەلەپ بولغانلىقىنى تولا
ئويلاپ، ئاخىر ئۆزۈمنى كۆپ يېنىكلىتىم. يوغروش باشى قەيسەربەگ تولىمۇ ئەقىللىك ئادەم ئىكەن، ئۇ ئاقىۋەتنى ئويلاۋاتىدۇ. مۇبادا يۇمشاق قوللۇق قىلىپ ئاكىلىرىنى زىنداندىن چىقارسىلا، بۇ ئادەم باشلىرىغا بالا، جەمەتلىرىگە قازا بولىدۇ. ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش زۆرۈر. ئۇ ئۆلسە، ياقىلىغۇچىلىرى جىمىيدۇ، ئەبۇ ھەسەن تېگىنمۇ باش ئېگىدۇ، ئۇ ئۆلمىسە، ياقىلىغۇچىلىرى ئالىيلىرىغا قىلىچ كۆتۈرىدۇ، ئەبۇ ھەسەن تېگىن سىپاھىلىرى بىلەن ئوردىخانىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ. بۇ ئىشتا زىنھار ئىككىلەنمىسلا.
— ئاكام كېسەل ئىكەن. مەھمۇد تېگىن ئونىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، زىنداندىن باشىمۇ شۇنداق دېدى. مۇبادا ئۇ كېسەل بىلەن ئۆلسە، قەتلى قىلىنغانغا قارىغاندا ئاۋارىچىلىكى ئازراق بولارمىكىن يا.
— ئوبدان ئويلاپلا شاھىم. كېسەل بىلەن ئۆلسە ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ. ئونىڭ بالىچاقىلىرىنى قانداق قىلىش توغرۇلۇقمۇ ئويلىنىپ باقتىلىمۇ؟
— بۇنىڭ ئويلىشىدىغان نېمىسى بار! ئەبۇ ھەسەن تېگىن ماڭا بويسۇندىغانلا بولسا، ئاكامنىڭ خانىشلىرى، پەرەزەنتلىرى تەختىمگە قول سوزالمايدۇ!
— شاھىنشاھىم، دەرەخنى غولىدىن كەسسە يەنە كۆكلەيدۇ، يىلتىزىدىن قۇمۇرۇۋەتمىگەندە كۆكلىمەيدۇ، قۇرۇپ كېتىدۇ.
— يوغروش باشى قەيسەربەگمو شۇنداق دېگەندەك قىلىۋېدى.
— باشقا دۆلەت ئەركانلىرىمۇ شۇنداق دېيىشى مۇمكىن، خاقانىم.
مۇھەممەد ئارسلانخان چىكىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى. دەماللىققا بىرىنچە دېيەلمىدى. ئونىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن قانچىلىغان ئادەمنىڭ كاللىسى ئېلىنسا، يەنە قانچىلىغان ئادەم ھاياتلىققا ئېرىشەتتى.
— بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا كېسىكىن بولمىسلا، بالا —
قازا ئۆز باشلىرىغا، خانىش، پەرەنتلىرىگە كېلىشى تۇرغان گەپ.
— بولدى، قىسمىتىڭ ئېپىنچۇ خاتۇن، مەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى، ئۆز قېرىنداشلىرىمنىڭ، ئۆلارنىڭ بالىچاقىلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولمايمەن. ئاكامنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى كۇپايە قىلمامدۇ؟ بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن شۇ، — ئورنىدىن تۇرغان مۇھەممەد ئارسلانخان چىرايى ئۆچكەن خانىشنى بېلىدىن قاماللاپ باغرىغا تارتتى، — ئارتۇقچە خەۋپسىرەپ كەتمەڭ. مېنىڭ ئون تۈمەندىن ئارتۇق سىپاھىم بار، ئاكام زىنداندا، ئۆنىڭ بالىلىرى قور كۆرسەتسىمۇ ھېچنېمە قىلالمايدۇ. مېنى خوش قىلاي دېسىڭىز، بۇ ھەقتە گەپ ئېچىپ بېشىمنى ئاغرىتماڭ، مەيلىمگە قويۇۋېتىڭ، بولامدۇ؟
— بولمامدىغان شاھىنشاھىم، — ئۆنىڭ چىرايىدىكى سوغۇقلۇقنىڭ ئورنىنى تەبەسسۇم ئالدى، — مەن سىلىگە كۆيۈنۈمەن شۇ. تەختلەردە سىجىل ئولتۇرۇشلىرىنى ھەممىدىن كۆپ ئارزۇ قىلىدىغان خانىشلىرىنىڭ ئۆمىدىنى يەرگە قويمايدىغانلىقلىرىغا ئىشەنچىم كامىل.
— ھەي — ھەي، مانا بۇ گېپىڭىز ئورۇنلۇق، ئېپىنچۇ خاتۇن. ئەمدى غۇسۇل قىلىۋالايلى، قورسىقىممۇ ئاچقاندەك قىلىدۇ.
ئىبراھىم تېكىن ئۆلارنى ئايۋاندا كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ئاتىسىنى كۆرۈپ ئورنىدىن ئېتتىك تۇرۇپ سالام قىلدى.
— تازا ئويدان ۋاقىتتا كېلىپسەن، ئوغلۇم، — دېدى مۇھەممەد ئارسلانخان قول باغلاپ تۇرغان ئوغلىغا مېھرى بىلەن قاراپ.
ئىبراھىم تېكىن ئاتىسىغا يېقىنراق كەلدى.
— ئەتەنگەن ئورداغا بارسام، يوغروش باشى قەيسەربەگ ئاغام خاقان ئالىيلىرى تېخى ھەرەمدىن چىقمىدى، شاھزادە. سىلى كىرىپ باقسىلا بوپتىكەن دېگەنىدى، شۇڭا كۈتۈپ ئولتۇرغانىدىم.
— ئوبدان قىلىپسەن بالام، مەنمۇ سەن بىلەن ئەھۋاللاشماقچىدىم. ئېيتىقنا، جانقورغاندىكى سىپاھلارنىڭ
ئەھۋالى قانداق؟ سورىدى مۇھەممەد ئارسلانخان تاماقتىندىغان خانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ.
ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىشقا تەييار تۇرماقتا، دەرھال جاۋاب بەردى ئىبراھىم تېكىن، بىر قولىدا قىلىچنىڭ كوركەم سېپىنى تۇتقان، بىر قولىنى كۆكسىگە قويغان ھالدا.
ئەمىرىڭگە بويسۇنمايدىغان، باشباشتاقلىق قىلىدىغانلار يوقمۇ، بالام؟
زىنھار، جانقۇرغاندىكى بىر تۈمەن لەشكەرگە ئەمىر بولغىنىمدىن بېرى، سىپاھلارنىڭ باشباشتاقلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمىدىم. ئەمىرىمگە بويسۇنمىغان، بويۇنتاۋلىق قىلغان سىپاھلاردىن بىر قانچىسىنى دارغا ئاستىم، بىر قانچىسىنىڭ قولىنى كەستىم، ئاتا، ئىبراھىم تېكىن مەغرۇر ھالدا دولىسىنى چىقىرىپ قويدى.
ئىبراھىم تېكىن ئانىسىنىڭ، بەگ ئەتكىسى بوزاغۇنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شۇنداق قاتتىق قوللۇق قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۆزى بولسا ئەيش ئىشرەتكە بېرىلىپ، كېچىنى مەست ئەلەستلىك، كۈندۈزنى ئۆكتەملىك بىلەن ئۆتكۈزەتتى.
ئاسىيلىق، خىيانەت قىلمىسلا، سىپاھلارنى ئۆلتۈرمەسلىك كېرەك، بۇنى ئېسىڭدە تۇت، ئوغلۇم.
ئېسىمدە تۇتىمەن، بۇغراخان ئاتا.
بۇغراخان ئاتاڭنىڭ ئەمىرىنى ئېسىڭدە تۇتۇپ، بويۇنتاۋلىق قىلغان، سۇلايمان ئارسلانخانغا يان باسقان سىپاھ، سەردارلارغا ھەرگىز رەھىم قىلما، سۆز قاتتى قۇماربەكە، سۇباشى بوش، رەھىمدىل بولسا، سىپاھلار بوش، جەڭگە يارامسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇنى زىنھار ئېسىڭدىن چىقارما، ئالىپ ئوغلۇم!
ئېسىمدىن چىقارمايمەن، ئاپا.
زىنداننى قوغداشقا قانچە ئادەم چىقىرىۋاتىسەن، ئوغلۇم؟ سورىدى مۇھەممەد ئارسلانخان.
ئوتتۇزدىن قىرىققىچە.
بۇ بەك ئازغۇ، ئوغلۇم، دېدى قۇماربەكە، بىر
ئىككى يۈز سىپاھ چىقارغىن … مۇھەممەد ئارسلانخان قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى سۆزدىن توختىتىپ قويدى. — ئوتتۇز — قىرىق سىپاھ كۇپايە، زىندان بېشىنىڭ ياساۋۇل — نۆكەرلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئابىنچۇ خاتۇن، سىز نېمەنچە ئەنسىز؟ — شاھىنشاھىم، مەن ئەمەس، جاھان ئەنسىز … سىلىدىن ئەنسىرەيمەن … — بۇ ئاباقزە … — ئۇ گەپنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرمەيلا، داستىخان سېلىندى. — بۇغراخان ئاتا، يۇغرۇش، ھاجىپلار يوللىرىغا قاراپ قالدى، — دېدى تاقەتسىزلەنگەن ئىبراھىم تېكىن. — ماقۇل بالام، ناشتا قىلىۋالاي. ناشتىدىن كېيىن قۇماربېكە ئېرىنى قەسىر ئىشىكىگىچە ئۇزىتىپ قويدى. — بىرەر ئىش بولمىغاندۇ، ئوغلۇم، ئاتاڭنى ئەجەب ئالدىرتىپ كەتتىڭغۇ؟ — دېدى ئۇ خانىسىغا كىرىپ. — بىلمىدىم. ئەتەنگەن بارسام ئوردىدىكىلەر پاتىپاراق بولۇپ كېتىپتۇ. قەيسەربەگ ئاغام: شاھزادە، سىلى بېرىپ ئېيتسىلا، بۇغراخان ئالىيلىرى تېزرەك چىقسۇن، ناھايىتى مۇھىم ئىش بار، — دەپ مېنى چۆچۈتۈۋەتتى. سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي قەسرىگە كەلدىم. ئاتامنى ئالدىرتىپ قويغىنىم شۇ … — سەن بارغانسېرى كامال تېپىۋاتىسەن. بايا دېگەن گەپلىرىمنى ئېسىڭدىن چىقارما، مۇشتۇمۇڭ ھەمىشە چىڭ تۈگۈكلۈك تۇرسۇن. رەقىبىڭ قول سېلىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇپ يانجىۋەت! سەھلا بىخەستەلىك قىلساڭ تەختتە ئولتۇرالمايسەن. ئاتاڭ ئەقىللىق، كۈچلۈكمۇ قالدى. قەيسەربەگكە ئېيت، سۇلايمان ئارسلانخاننى تېزرەك ئۈجۈقتۈرۈۋەتسۇن! ئوردىدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، ماڭا خەۋەر قىلىۋەت! — ماقۇل، ئاپا. ئىبراھىم تېكىن ھەرەمدىن چىقىپ زىندانغا كەتتى.
تۆتىنچى باب: ئەنسىز كۆڭۈلەر
1
مۇھەممەد ئارسلانخان دىۋانخانىغا كىرىپلا، قورقۇنچلۇق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدى. ئەمر - ئەركانلارنىڭ باشلىرى چۈشۈپ كەتكەنىدى. پەقەت قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان بوزاغۇلا خاتىرجەمدەك كۆرۈنەتتى. — نېمە گەپ، يۇغرۇش بېشى، كۆڭۈللەر ئارامدا ئەمەستەك قىلىدۇغۇ، يا ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان باستۇرۇپ كەپتۇمۇ؟ ئېيتىڭ، بۇ بۇرۇقتۇرملىقنىڭ سەۋەبى نېمە؟ — دەپ سورىدى بوزاغۇنىڭ ئالدىدا توختاپ. — ئالدىلاردا ئېيتىشقا تىلىم كۆيىدۇ، ئالىيلىرى. — ئادەمنى بۇنداق تىت - تىت قىلماي، ئاسمان دۇم كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ دەڭ، زادى نېمە ئىش بولدى؟ — سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى ئاخشام ئەجەل شارابىنى ئىچىپ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، شاھىنشاھىم، — دېدى بوزاغۇ كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن خۇددى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈۋاتقاندەك. مۇھەممەد ئارسلانخان تاتىرىپ كەتتى. لەۋلىرى لىپىلداپ، ساقال باسقان يۈزىنىڭ بولجۇق گۆشلىرى تارتىشىپ، چىكە تومۇرلىرى كۆپۈپ چىقتى. سەل سەنتۈرۈلۈپ، پۇتلىرىنى كېرىپ تۇرۇۋالدى. يۆلۈنماقچى بولغان بوزاغۇنى ئىتتىرىۋەتتى. — بولدى، نېرى تۇرۇڭ قەيسەربەگ. سىز ئاكامنى ياخشى
بولۇپ قالدى، دېگەندىڭىزغۇ، — ئۇ چەكىچىيىگەن كۆزلىرىنى بوزاغۇغا تىكتى.
— شاھىنشاھىم، سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى راستلا ياخشىلىنىپ قالغانىدى، كىم بىلسۇن بۇنداق بولۇشىنى… ياساۋۇللار بۈگۈن ئەتىگەن تاماق چۈشۈرگەندە ئۇنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلىپتۇ. پېقىر ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم. رەھىمدىل، مۆمىن، رەھىمدىل شاھ ئىدى…
— بولدى، گەپ قىلماڭ، ئاكامنىڭ جەسىتى ئوردىغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن! مېيىت كېپەنلىك ئېلىنىپ نامازدىگەرگە تەييار قىلىنسۇن! ئاكامنىڭ نامىزىغا مەنمۇ چىقىمەن. ئوپالدىكى خانىش، شاھزادە، مەلىكىلەر دەرھال ۋاقىپلاندۇرۇلسۇن!
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، چاپارمان ھازىرلا يولغا چىقىدۇ، — بوزاغۇ تېزلەندى.
مۇھەممەد ئارسلانخان يەنە ئەمر قىلدى.
— خاقان ئاكامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان نۆكىرى، زىنداندىكى يۇغرۇش، سۇبېشى، بۈگۈ بىلگەلەرنىڭ يوقلاپ كەلگەندە تۇتقۇن قىلىنغان باچاقلىرى دەرھال قويۇپ بېرىلسۇن!
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى.
— زىنداندىكى تۇتقۇنلارنىڭ قايسىبىرى ئاغرىپ قالسا، داۋالىتىش لازىم. ئەگەر بۇنىڭغا سەل قارىلىپ، يەنە ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بېرىدىغان بولسا، جاۋابكارلىققا سىز تارتىلىسىز، يۇغرۇش بېشى! — دېدى غەزىپىدىن لاغ-لاغ تىترەنگەن مۇھەممەد ئارسلانخان.
— ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىمەن، ئالىيلىرى، — بوزاغۇ تېزلانغىنىچە باش ئەگدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان كېيىنگە يېنىپ، ھەرەمدىكى ئارامگاھ سارىيىغا كىردى. ياندىكى گۈللەرگە، ئاسمانغا ئېسىلغان قەپەستىكى خىلمۇخىل قۇشلارغا، ھەر قايسى ئۆلكە، ۋىلايەت ھەم
باشقا ئەللەردىن ئەۋەتىلگەن قىممەت باھالىق بۇيۇملارغا كۆز قىرىنىمۇ سالماي تۆردىكى ئالتۇن تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. «بۇ ساراينى ئاكام بىنا قىلدۇرغانىدى، بۇ تەختتىمۇ ئۇ ئولتۇرغانىدى…» ئۇ ئاكىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بالىلىق چاغلىرىنى، ماۋەرائۇننەھر دە، سامانىيلار خانلىقىغا قارشى بىللە جەڭ قىلغانلىرىنى ئەسلەپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى، سۇلايمان ئارسلانخان مەدرىسەدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇنىڭغا دائىم دەرس ئۆگىتەتتى: «ئىنىم، تىرىشىپ ئۆگىنىگىن، بىلىم بىلەن پادىشاھ بولسا ئەل روناق تاپىدۇ، بىلىمگە خوشى يوق قاراملار پادىشاھ بولسا ئەل ۋەيران بولىدۇ.» دەيتتى. بۇغرا قاراخان بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئېلىكخان قىلغانىدى. لېكىن، ئۇ ئاسىيلىق قىلىپ ئاكىسىدىن تەختنى تارتىۋالدى، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، قىينىلىپ ئۆلۈشكە سەۋەبكار بولدى …
مۇھەممەد ئارسلانخانغا ئاكىسىنىڭ قەدرى ئەمدى بىلىنىۋاتاتتى. «مەن ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قىلدىم - ھە؟ تەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قان تۆكتۈم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇم. ئاكامنىمۇ ھاياتتىن ئايرىدىم. مەن قانداق مۇسۇلمان - ھە؟ تەڭرىم مېنى كەچۈرەرسەنمۇ؟…»
- شاھىنشاھىم …
مۇھەممەد ئارسلانخان بېشىنى كۆتۈرۈپ قۇماربىكەنى كۆردى. تېنىلا نىمچە، ئالتۇن تاج كىيگەن خانىش قاپاقلىرىنى سۈزۈپ قاراپ تۇراتتى.
-
ئابىنچۇ خاتۇن، - خان ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەر تاشلىدى.
-
نېمە بولدى، شاھىنشاھىم؟ قايتىپ كىرىپلىغۇ، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىزلا؟ يۈرسىلە ئالىيلىرى، مېنىڭ خانامغا چىقىپ كېتەيلى، - نازاكەت بىلەن بېشىنى ئەگكەن قۇماربىكە رۇسلىنىپ شەھلا كۆزلىرىنى ئوينىتاتتى.
«ئاكامنىڭ ۋاپات بولغىنىنى ئۇقمىغان ئوخشايدۇ» دەپ قالغان مۇھەممەد ئارسلانخان بوغۇلۇپ دېدى:
— مەن كۆڭۈل ئاچقىلى كىرمىدىم، ئابىنچۇ خاتۇن. خاقان ئاكام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. نامازغا بېرىشىم زۆرۈر، كىيىم ئالماشتۇرغىلى كىرگەن.
— ۋاي خۇدايىم، ئاخىر ئۆلۈپتۇ — دە. ئەمدى جاھان تىنچىيدىغان بولدى. سىلى نامازغا نېمىدەپ بارىدىلا؟ بارسىلا ئاۋام نېمىدەپ قالار؟
— بەس، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ، نېمىلەرنى دەپ بىلجىرلاۋاتىسىز! مەن ئاكامنى قازا قىپتۇ دەۋاتىمەن، چىقىپ كېتىڭ! — ۋاقىردى مۇھەممەد ئارسلانخان. ئۇ بۇ ۋاقىتقا قەدەر بۇ خوتۇنغا ئاچچىقلاش تۈگۈل قاپىقىنى تۈرۈپمۇ سۆز قىلمىغانىدى. قۇماربىكە بىردەم ھاڭ-تاڭ قېلىپ، كېلىنچە ئېرىنىڭ مېھرىگە باش قويۇپ يىغلاپ كەتتى.
— مەن بىلمەي قاپتىمەن، خاقانىم، سىلىنى خوش قىلاي دەپ، خاپا قىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئۆلەي. سىلىنىڭ ئاكىلىرى مېنىڭمۇ ئاكام ئىدىغۇ. مېھرىبان، ئادىل پادشاھ ئىدى، بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلغانىدى، خۇدايىم جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن. مەن ھازىرلىق كىيىم ئېلىپ كېلەي. ئۆزلىرىنى تۇتۇپ، ئېلىنىڭ ھەمدەردلىقنى قولغا كەلتۈرۈشلىرى كېرەك. مەن ئوپالدىن كېلىدىغان خانىشلارنىڭ خىزمىتىدە بولاي.
قۇماربىكە يىغلىغانچە چىقىپ كېتىپ، ھازىرلىق كىيىم ئېلىپ كىردى. ئۆزىمۇ باشتىن — ئاياغ قارا كىيىم كىيىپ ئاق رومال سېلىۋالغانىدى. مۇھەممەد ئارسلانخان زەر ياقىلىق، ياقۇت تۈگمىلىك كىمخاب تونىنى سېلىۋېتىپ، قارا مەخمەل تونىنى كىيدى. بېشىدىكى تاجونى ئېلىۋېتىپ، قاما تۇمىقىغا ئاق سەللە ئورىدى. ئالتۇن ساپلىق قىلىچىنىمۇ ئاسمىدى.
— قەسرىڭىزگە چىقىپ، كېلىدىغان مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىڭ. مەن چىقاي، — دېدى مۇھەممەد ئارسلانخان.
ئۇ دىۋانخانىغا كىردى.
— مېيىت كەلتۈرۈلدىمۇ؟ — كەلتۈرۈلدى، خاقان ئالىيلىرى. ھازىر تىلاۋەت سارىيىدا. شەيخۇلىسلام، يۇغرۇش باشمۇ شۇ يەردە، — جاۋاب بەردى دىۋان بېشى. — مېيىت چوك خاندىنىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ كىرىلسۇن، ئارسلانخان ئاكامنى شۇ يەردىن ئۆزىمىز ئۇزىتىمىز. يۈرۈڭلار! مۇھەممەد ئارسلانخان دۆلەت ئەركانلىرىنى كەينىگە سېلىپ، تىلاۋەت سارىيىغا بارغاندا، شەيخۇلىسلام، مۇسىبەت لىباسى كىيگەن بوزاغۇ، ئوتتۇز ئۈچ قارى بىلەن يۈزى يېپىقلىق مېيىتنى چۆرىدەپ قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى. ئۇلار خاقاننى كۆرۈپ قىسقا دۇئادىن كېيىن، قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتى. — يۇغرۇش بېشى، مېيىتنى ھەرەمگە يۆتكەيمىز، تېز بولۇڭ. — باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — يەرگىچە ئېگىلگەن بوزاغۇ ياساۋۇللارنى مەسچىتتىن چاھارچاپ ① ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپ، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئارقىسىدا باش سېلىپ تۇردى. «ئۆزى زىندانغا تاشلاپ، ئۆلۈكىنى ئوردىغا ئېلىپ كىرگىنى قىزىق. بۇ ئەخمەق خاقان نېمە قىلماقچىدۇ؟ ئۆزگىرىپ قالمىسا بولاتتى، ئەگەر لەۋزىدىن يېنىۋالسا، قانداق قىلغۇلۇق؟ سىگلىم قۇماربىكە بىلەن مەسلىھەتلەشمىسەم بولمىغۇدەك … » ئويلاپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى ئۇ. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ جەسىتى چاھارچاپقا سېلىندى، بىر قانچە ۋەزىر — ھاجىپلار كۆتۈردى. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ كۆتۈرگۈسى كەلگەن بولسىمۇ، جۈرئەت قىلالماي، چاھارچاپنىڭ كەينىدىن باش سېلىپ ماڭدى. ئىرادىسىز ئادەمدە جۈرئەت بولمايدۇ، جۈرئەتسىز ئادەم ئاسان ئالدىنىدۇ، ياخشى — ياماننى پەرق ئېتەلمەيدۇ، خاتالىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ تۈزەتمەيدۇ. مۇھەممەد ئارسلانخان مۇشۇنداق
① چاھارچاپ — مېيىتنى سېلىپ يۆتكەيدىغان تۆت چاسا تاختاي.
ئاكىسىنى زىندانغا تاشلىغان خاتالىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئېغىزىدىن چىقارمايتتى، تەختتىن ۋاز كەچمەيتتى.
مېيىت ئايرىدا تۈركەن خاتۇننىڭ قەسرىگە ئېلىپ كىرىلگەندە، باشتىن - ئاياغ قارا لىباس كىيگەن قۇماربېكە، كۈمۈش تارىم قىلىنغان چۆرە - كېنىزەكلەر بىلەن بىللە ئالدىغا ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ چىقتى. قۇماربېكە گويا ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئازىدار مەلىكىدەك ھاسا تايىنىۋالغانىدى:
ۋاي ئاتام، خان ئاتام، پادىشاھ ئاتام، ئاۋامنىڭ غەمگۈزارى شاھىنشاھ ئاتام. گىرىپتار بولدى ئەل قايغۇغا، سەنسىز چۆلدەرەپ قالدى بۇ بارگاھ ئاتام …
دەپ قوشاق قېتىپ شۇنداق يىغلىدىكى، ئىچ - ئىچىدىن مەمنۇن بولۇۋاتقان بوزاغوننىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياش چىقىرىۋەتتى. «ماۋۇ ھەمشىرەمنىڭ ئۆستىلىكىنى، ئۆزىنىڭ خۇشلۇقىنى يىغا بىلەن بىلدۈرۈۋاتىدۇ. شەيتاننى ئوسسۇلغا سالىدىغان خوتۇن - دە، قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ …» دەپ ئويلاپ ئۆزىمۇ:
ئاھ مەلىكەتنىڭ تۆۋرۈكى ئاتام، نەھاجەت ياخشىلارنىڭ ئۆلۈمى ئاتام، — دەپ يىغلاشقا باشلىدى.
مېيىت ساراي ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ياتقۇزۇلدى. مۇھەممەد ئارسلانخان بېشىغا كېلىپ يۈكۈندى. يۈزىگە يېپىلغان ئاق يوپۇقنى قايرىپلا ئۆجۆقۇپ كەتتى. ئىچكى چىتلىق سۇلايمان ئارسلانخان كۆزلىرى يېرىم ئوچۇق ھالدا ياتاتتى، كاۋا چىچىكىدەك سارغىيىپ كەتكەن چېھرى شۇنچە مۇلايىم، شۇنچە ھەسرەتلىك ئىدى. مەيدىسىگە چۈشكەن ئاق بېلىقتەك ساقىلى، گەۋدىنى ياپقان چاچلىرى ئۇنى سۈرلۈك قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ
ئاكىسى بىلەن ئۈچ تاغ ئېتىكىدىكى جېھىدە ئۇچراشقانچە كۆرۈشمىگەنىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ غەزەبلەنگەن، قىينالغان روھسىز جىسمى كۆز ئالدىدا تۇراتتى… ئۇنىڭ ئاكىسىغا ھەقىقەتەن ئىچى ئاغرىدى. «ۋادەرىخا، ئاكامنى كۆرمىگىلى ئۈچ ئاي بوپتۇ. زىندانغا نېمىشقىمۇ بارمىغاندىمەن، مەن ناھايىتى تاش بېغىر ئادەم ئىكەنمەن. ئاھ خۇدا، كاشكى - كاشكى…» دەپ پىچىرلىدى يىغلاپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تامچىلىغان ياش ئەمەس، قېرىنداشلىق مېھرى ئىدى. ئۇ قارىيلارغا قوشۇلۇپ زەئىپ خىرىلداق ئۈن بىلەن سۈرە «ياسىن» نى ئوقۇشقا كىرىشتى.
قاتتىق يىغا - زاردىن ۋۇجۇدى لىرزىگە كەلگەن مۇھەممەد ئارسلانخان ساراي دېرىزىسىدىن قاراپ، يىغلىغانلار ئاكىسىنىڭ خانىش، چۆرە، پەرىزاتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىغا چىقتى.
ئايزادە تۈركەن خاتۇننى ئىككى يېنىدىن بۇۋىپاتىمە، گۈلجاھان يۆلەۋالغاندى. ئەردىنى تۈركەن خاتۇن، كۈمۈش تارىم سۆسەر ئايىبكىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كېلىشكەنىدى.
ئۇپالغا بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەن مەھمۇد تېگىن بوۋىسىغا قاراپمۇ قويماي سارايغا كىرىپ كەتتى.
ئايزادە تۈركەن خاتۇن ئالدىغا كەلگەن قۇماربېكەنى يانداپ ئۆتۈپ، كۈمۈش تارىم قىلىچخان بىلەن قۇچاقلىشىپ، قوشاق قېتىپ يىغلىدى:
ئاھ، غەمگۈزارىم سۇلتانىم، شاھىنشاھىم ھەمراھىم، چىقمىدىلا ئالدىمە، قەدىردانىم پاناھىم.
شۇنداق تۈگەپ كەتتىلمۇ؟ قىينىلىپ ئاھ چەكتىلمۇ؟
زنداندا جان بەردىلمۇ؟ ئاھ، مېھرىبان ھەمراھىم.
ئەلگە غەمخار ئىدىڭ، دوستلارغا يار ئىدىڭ، زالىمغا دار ئىدىڭ، غەمگۈزارىم سۇلتانىم.
تارتىپ ئېلىپ تەختىنمۇ، رەقىب چاھقا سالدىمۇ؟ جانلىرىڭنى ئالدىمۇ ئاھ قەدىردان ھەمراھىم؟ …
ئايزادە تۈرگەن خاتۇننىڭ بۇ زارى پىچاق بولۇپ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ باغرىنى تىلدى. قۇماربىكەنىڭ تېپچەكلەپ يۈرىكىگە سانجىلدى. ھەممىلانى يىغلىتۇۋەتتى.
ئەردەنى تۈرگەن خاتۇنمۇ قۇماربىكە بىلەن كۆرۈشمەي، باشقا خانىش، مەلىكە، چۆرىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ياش تۆكتى.
مۇسىبەت قايغۇسىغا غەرق بولغان مەھمۇد تېگىن سارايدىن چىقىپ ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلاۋاتقان ياقۇپ تېگىن، ئالپتېگىن، ئالماس تېگىن، كۈن تېگىن، ئاي تېگىننى بىر - بىرلەپ چاقىرىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىردى. ئۇلار ئاخىرقى قېتىم مۆرىسىدىن يۈزىنى كۆرۈشۈپ، ۋىدالىشىشى كېرەك ئىدى. مەھمۇد تېگىن بالىلارنىڭ پەريادىغا چىدىيالماي ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. بولۇپمۇ زىنداندىن بايىلا چىققان ياقۇپ تېگىن ئاتىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ، قار - يامغۇر يىغلىدى.
ئايزادە تۈرگەن خاتۇن ئېرىنىڭ يۈزىنى كۆرۈشۈش، توشۈك
ساۋابىنى سورۇپلىشى ① ئۈچۈن سارايغا كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان شەيخۇلىسلام ئۇنى توسۇدى:
— خانىش ئالىيلىرى، ئەمدى كىرىشكە بولمايدۇ. بەندە ۋاپات بولغاندىن باشلاپ، ئەر — خوتۇنلۇق رىشتى ئۈزۈلىدۇ. خوتۇن ئەرنىڭ نىكاھىدىن چىققان بولىدۇ. ئەر خوتۇندىن ئاجراشقان بولىدۇ. دېمەككى، بىر — بىرىگە نامەھرەم بولىدۇ. شۇڭا، سەۋر قىلىسلا، ئاللا سەۋر قىلغان بەندىلىرى بىلەن بىللە، مەرھۇمنى ئازابقا قويمايلا.
— بۇ قانداق گەپ شەيخ؟ قىرىق يىلدىن ئارتۇق تەرىتكە سۇ بەرگەن تۇرسام، نامەھرەم بولامدىمەن؟ ئېرىمنىڭ دىدارىنى ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرمىسەم، رازىلىق ئالمىسام، كۈنۈم كۈن، يېگەن ئېشىم ئاش بولامدۇ؟ ئاھ خۇدا، پېقىرە ئاجىزەڭنىڭمۇ جېنىنى ئالغىن، — دېدى ئايزادە تۈركەن خاتۇن نالە قىلىپ. ئۇ ھوشىدىن كېتىپ سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى. ئالتۇن تارىم بۈۋىپاتىمە، كۈمۈش تارىم گۈلجاھان ئۇنى ئىككى ياندىن يۆلىۋالدى.
— شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم ھوشىدىن كېتىشى، — دېدى چولپانئاي سارايدىن چىققان مەھمۇد تېگىنگە. ئۇ مومىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىردى.
— مەشھەدە تۇرۇپ مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ، — دېدى مەھمۇد تېگىن، — يېنىدىن نېرى كەتمەڭ، مەن بوۋامنىڭ قېشىدا بولىمەن.
مېيىت يۇيۇلۇپ كېپەنلەندى، جىنازىغا سېلىندى. جىنازىنى بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرگەن مەھمۇد تېگىن بولدى.
ھوشىغا كەلگەن ئايزادە تۈركەن خاتۇن يامغۇرغا قارىماي، خانىشلار، مەلىكىلەر، كېنىزەكەر بىلەن ئوردا ئالدىغىچە چىقىپ جىنازىنى ئۇزاتتى. ئاھ چىكىپ يىغلاپ، يەنە ھوشىدىن كەتتى.
① قىلغان خىزمىتىگە رازىلىق تىلەش.
نەچچە مىڭلىغان جامائەت سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ نامىزىغا داخىل بولدى. مېيىت خان جەمەتى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. مۇھەممەد ئارسلانخان كەمبەغەل - نامراتلارغا كاتتا نەزىر ئۆتكۈزۈپ، ساۋابىنى مەرھۇمنىڭ روھىغا بېغىشلىدى …
2
چاھ ئىچى غۇۋا يورۇدى. بەگىيۈسۈپ يۇقىرىغا قارىدى. چاھ ئېغىزىدا قارامتۇل سايە پەيدا بولدى، بۈگۈن كەلگەن كىمدۇ؟ دەپ تۇرۇۋېدى، چاھ ئاغزىدىن ئېگىلىشكەن گەۋدىنى كۆرۈپ، ئاقبىرانىڭ ئون تۆت كۈنلۈك ئايدەك مۆغلۈق چېھرىگە تىكىلىپ قالدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتىسى، ئامانمۇ سىلى؟
نازۇك، ھەسرەتلىك ئۈن قۇلىقىغا ئاڭلانغاندا، ئۈستىگە چوغ چۈشكەندەك، بەگىيۈسۈپ سىلكىنىپ كەتتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئانىسى، ئاللا پاناھىدا سالامەت مەن، سىلى قانداق تۇرۇۋاتىلا، ئانام، ئاچىلىرىم، بالىلارچۇ؟
— پېقىرمۇ ئېسەنەنمەن. دىلداربىكەنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتىمەن. «قېيىنئاتامنىڭ ئۆيى خىلۋەت، شۇ يەردە تۇرسۇن» دەپ، قىزىمىز بۇغدايىشە، ئوغلىمىز بەگتۈرمىشنى مەھمۇد تېگىن ئوپالغا ئېلىپ كەتتى.
— ئانامچۇ؟ ئاچىلىرىم، تۇغقانلار ئامان - ئېسەنمۇ؟ قوزغۇلاندىن خەۋەر كەلدىمۇ؟
ئاقبىرانىڭ ياشلىق كۆزلىرىدىن ئاققان تامچىلار بەگىيۈسۈپنىڭ پېشانىسىگە، ياقىسىغا چۈشتى.
— دېمەي دەپتىم ئاتىسى، كېيىن ئاڭلاپ مەندىن خاپا بولۇپ قالىدىغانلىقلىرىنى ئويلاپ دېمەكچى بولۇۋاتىمەن. بۈزرۈكۋار ئانىمىز يابىرا ئاغىچا قوزغۇلاندىن بېرىپ ئەتەيسى قازا قىپتۇ. ئايتۇلۇن ئاچاممۇ تۈگەپ كېتىپتۇ بېگىم، — دېدى ئاقبىرا
ئۆزىنى توختىتالماي بوقۇلداپ.
— ئادەرىخ، ئانامنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكە نېسىپ بولماپتۇ. رەھمەتلىككە بىر جام ئانار شەربىتى قويۇپ بەرگەن بولسام كاشكى … ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان ئانا ئىدى. ئېسىت، ۋاي ئېسىت، — كۆزلىرىدىن ئاققان ياش ئونىڭ ئۆسۈپ كۆكسىگە چۈشكەن ساقىلىغا تامدى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئايتولۇن ئاچامنىڭ يۈرىكى دەردتىن ئۆتمۈتۈشۈك بولۇپ كەتكەنىدى. ئاخىر بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن كېتىپتۇ. مىڭ قايغۇ-غېمىمىز بىلەن ئۇلارنى تىرىلدۈرەلمەيمىز، ئانىسى، سەۋر قىلايلى، سائادەتلىك كۈنلىرىمىز ئالدىمىزدا …
— خۇدايىم ياخشى تىلەكلىرىگە يەتكۈزسۇن، ئاتىسى. ماڭا دىلدار ئاغىچا بىر تۇغقان ئاچامدەك كۆيۈنۈۋاتىدۇ، بەك سەمىمىي، جەڭگىلىك ئايال ئىكەن. زىندانغا مېنى ئۇ باشلاپ كەلدى، ئەمدى ئونىڭ بىلەن كۆرۈشۈسلا.
— ئەسسالام بەگىيۈسۈپ ئاغا، قانداق تۇرۇۋاتىسىلا؟
زىل، يېقىملىق ئۈن ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ، چولپاندەك نۇرلۇق كۆزلەر چاھ ئاغزىدىن تۆۋەنگە باقتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم، ئەلھەمدۇلىللا تەنەن تۇرۇۋاتىمەن. رەھپەمنى باشلاپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت. ئاللا ئىگەم ئۆيلىرىگە ئارزۇلىرىدىكى قۇتنى باشلاپ قويغاي، — دېدى بەگىيۈسۈپ كۆزلىرىدىن باشقا يېرى يېپىقلىق دىلداربىكىگە سۆيۈنۈش نەزىرى بىلەن قاراپ.
— يېقىندىن بېرى ئادەم قايغۇرىدىغان ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى، بەگىيۈسۈپ ئاغا. بايا سىڭلىم ئاقبىلا خېنىمدىن ئاڭلىدىلا. ئەمدى يەنە بىر مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۈزەي: سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى زىندا ندا قازا قىلغانىكەن، ئۆتكەن ھەپتە يەرلىكتە ياتتى.
— بۇنى ئۇقماپتىمەن سىڭلىم، زىندان باشمۇ ماڭا دېمىدى. مەرھۇمنىڭ بالىچاقىلىرى ئوپالدىن كەلدىمىدۇ؟ نەگە دەپنە
قىلغانلىقىنى بىلەلىدىڭمۇ؟ — بىلدىم، ئاغا، — دېدى دىلداربېكە يىغلامسىراپ، — مۇھەممەد ئارسلانخان بۇيرۇپ، ئالىملارنىڭ جەسەتنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ. ئوردىدىن ئازنا مەسچىتكە ئېلىپ ماڭغاندا، ئاقبىرا ئاغچا خېنىم، بۈۋىئايىشە خېنىملار بىلەن ئۆگزىگە چىقىپ كۆردۇق. ئوردا ئالدى، يوللار ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ ۋەزىر - ۋۇزەرا، جاندارلىرى بىلەن چىقىپتۇ. مەن مۇنداق كۆپ ئادەم قاتناشقان مېيىت نامىزىنى كۆرمىگەندىم. ئاڭلىساق خان جەسەتنى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىپتۇ. — رەھمەتلىك ئادىل پادىشاھ ئىدى، نەپسىنىيەتكە بېرىلمەيتتى، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمايتتى، قېرىنداشلىرىغا، تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈپلا قالماي، ئاۋامنىڭ غېمىنى يەيتتى. ئۇنىڭ زامانىدا مەسچىت، مەكتەپ يوق يېزا - كەنت قالمىغانىدى. ئۇ قان تۆكۈلۈشكە، ئۇرۇشقا قارشى ئىدى. خەيرىيەت، ئاللا جايىنى جەننەتتە قىلسۇن. مۇھەممەد ئارسلانخان تىرىك ۋاقتىدا كارى بولماي، ئۆلگەندىن كېيىن پۇشايمان يېگەن ئوخشايدۇ، بولمىسا نامىزىغا چىقمايتتى، خان جەسەتنى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلمايتتى. ئۇ كۆچەتۈشكۈر، ئالىپ بولغان بىلەن، ئەكسىدەك بۈگۈ بىلگە ئەمەس، ئاقىۋىتى ھەممىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولغاي ئىلاھىم … — خوش خەۋەرمۇ بار، ئاغا، — دېدى دىلداربېكە ئۈنۈنى چىڭراق چىقىرىپ. — نېمە خوش خەۋەر — ھە، ئېيتىسلا سىڭلىم، تېزرەك ئېيتىسلا. — قۇمبا ئاچام زىنداندىن چىقتى. — ئەجەب ياخشى بوپتۇ. ئۇ سىلىگە ئوخشايدۇ، سەۋر - تاقەتلىك، قەيسەر، كۆيۈمچان، ئىشچان، لېكىن، مەن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغىنىنى بىلمەپتىمەن.
— سىلىنى يوقلاپ بارسا كۆرۈشتۈرمەپتۇ. ئاچچىقلىنىپ زىندان باشلىقى، مۇھەممەد ئارسلانخاننى زالىمدىن — زالىمغا سېلىپ تىللىغان چىغى، شۇنىڭ بىلەن تۇتۇلۇپ زىندانغا تاشلىنىپتۇ. مەن قۇمبا خېنىمنىڭ جاسارىتىگە، ئەقىدە، ساداقىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم، ئاغا. چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، تېخى قىز ئىكەن ئەمەسمۇ، ھەيران قالدىم. نېمىدېگەن ۋاپادار، ئىبادەتلىك — ھە!
— بۇ جەھەتتىن سىلىگە بەكرەك ئوخشايدۇ، دىلداربېكە. ئۇ سۆيگۈ — مۇھەببەتنى پاك پېتى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتسە كېرەك، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ، — بۇنداق ئاياللار دۇنيادا ساناقلىق، ئېيتسىلا سىڭلىم، زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلەر يەنە بارمۇ؟
— بار، ئاغا، — جانلىنىپ جاۋاب بەردى دىلداربېكە، — سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئىككىنچى بالىسى ياقۇپ تېگىن، مەۋلانا ھۈسەيىن پەزلۇللا غوجامنىڭ بىر قانچە شاگىرتى ھەم نەۋرىسى، يەنە بىر قانچە ھاجىپ، يۇغرۇشلارنىڭ تۇغقانلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بىر قانچە شاگىرتلىرى مەرھۇمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەن كۈنى قويۇپ بېرىلىپتۇ. مەن قۇمبا ئاچامنى قويۇپ بەرگەن كۈنى ئۆيگە ئەكىلىۋالدىم.
— ياخشى قىلىپلا سىڭلىم. قايغۇمنى كۆپ يېنىكلەتتىلا. سىلىنىڭ مۈشكۈللىرىنىمۇ ئاللا ئاسان قىلغاي، — دېدى خۇرسەن بولغان بەگىيۈسۈپ.
— ئاغا، مۇھەممەد ئارسلانخان خېلى ئىنسابقا كېلىپ قالدىمۇ نېمە؟ ھازىر خېلى بوشاپ قالغان ئوخشايدۇ. زىندا ندا قالغانلارنى يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا قىلغانلىرىغا پۇشايمان يېگەندەك تۇرىدۇ، ئۇنداق ئەمەسمۇيا؟ — سورىدى دىلداربېكە. بۇ توغرۇلۇق بەگىيۈسۈپنىڭ پىكىرنى بىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئىدى.
بەگىيۈسۈپ جاۋاب بەرمەي ئويلىنىپ قالدى.
— ئاغا، گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسىلا؟ — ئاڭلاۋاتىمەن سىڭلىم، مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدىلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ، — بەلكىم ئىنسابقا كېلىشى مۇمكىن، بەلكىم بىردەملا تەسىراتقا بېرىلگەندۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەتراپىدىكى قارا نىيەت، سوغۇقچىلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامراق خانىشى قۇماربىكە ئۇنى ھەرگىز مەيلىگە قويۇۋەتمەيدۇ، سىڭلىم، زالىم پادىشاھتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. دىلداربىكە چاھقا بەكرەك يېقىنلىشىپ دېدى: — ئاغا، سىلىنىمۇ زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتىمىز. بەگىيۈسۈپ قولىنى كاناي قىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن رەت قىلدى. — بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، مېنى دەپ بالائاپەتكە قالىدىغان ئىش قىلماڭلار! — خۇدا ساقلايدۇ، ئاغا. — قاراملارنى خۇدا ساقلىمايدۇ، سىڭلىم. مۇھەممەد ئارسلانخاننى باغرى تاشلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگ، زىندان بېشى مۇڭسۇز، خانىش قۇماربىكەلەر بىز ئويلىغاندىنمۇ رەھىمسىز. ھازىر زىنداننى ياساۋۇل، نۆكەرلەردىن باشقا، جانقورغاندىكى سىپاھلارمۇ كېلىپ قوغداۋاتىدۇ. — بىز ئەھدە قىلدۇق. ئاغا، تەۋەككۈل قىلماقچىمىز. تىللا، ئالتۇن بېرىپ زىندان بېشىنى تەكلىپىمىزنى رەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈردۈم. — مەن يەنە ئويلىنىپ باقاي، كېلەر قېتىم كۆرۈشكەندە، بىر قارارغا كېلىپ، جاۋاب بېرەي. — ماقۇل ئاغا، خوش، ئامان بولسىلا، — دىلداربىكە كەينىگە ياندى. — خوش ئاتىسى، ئامان بولسىلا، — دېدى ئاقبۇرا.
خوشلىشىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكنى چۈشۈرۈپ بەردى.
- رەھمەت ئانىسى، بالىلارغا سالامىمنى يەتكۈزۈسلا، خەير - خوش.
- بۇ قېتىم نەۋرىلىرى جانىبىدا غوجامنىمۇ ئېلىپ كېلىمەن، خوش ئەمىسە. تاش ياپقۇ يېپىلدى. بەگىيۈسۈپ يەنە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى. «ئانام بۇ جۇدالىققا بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ. ئاتامدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، مەن ئۈچۈنلا ياشاۋاتقاندەك، كۆرسەم - چىقسام مەن بىلەنلا ئىدى…» بەگىيۈسۈپ چاھ ئاغزىدىن كۆزىنى ئالماي ئۇزاق تۇردى. ئۇنىڭ يۈزى كۆككە ئېتىلغان فونتاندەك، يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان ياشلارغا چۆمۈلدى. ئۇ ئايتولۇنغىمۇ بەك ئېچىندى. «ئېرى ئۆلمىش بىلەن ئوغلى ئېلىبەگنىڭ جەڭدە قۇربان بولۇشى ئايتولۇن ئاچامنىڭ يۈرىكىنى پارە - پارە قىلىۋەتتى، بۇ دۇنيادا ياشاشتىن كۆڭلى قالغانىدى…» بەگىيۈسۈپنىڭ خىيالى سۇلايمان ئارسلانخانغا يۆتكەلدى: «ئۇنىڭ كېسەل بولۇپ قالغىنى توغرىسىدا مەھمۇد تېگىننىڭ ئېيتىپ قويۇشىنى دىلداربىكەگە تاپشۇرغانىدىم. ئەجەبا، مەھمۇد تېگىن مۇھەممەد ئارسلانخانغا يەتكۈزمىگەنمىدۇ؟ ياق، يەتكۈزمەي قالمايدۇ. نېمىشقا داۋالاتمىغاندۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم سۈيقەست بار… ئۇنى كۆزدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلار بار…» بەگىيۈسۈپ ئويلىغانسېرى ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقىدىن شۇنچە ئۆكۈندى. لېكىن، ئۈمىدسىزلەنمىدى. «مۇھەممەد ئارسلانخان ئەسلىدىن زوراۋان ئەمەس ئىدى، بىلىمى يېتەرلىك، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغاچقا، پىتنىخور، سۈيقەستچىلەرنىڭ دۈپىگە ئوسسۇل ئوينىدى، ئۆزۈنىمۇ بىلىپ - بىلمەي نىيىتى بۇزۇلدى. شۇنداق راستچىل، سەمىمىي، باغرى يۇمشاق بۈگۈ بىلگە ئاكىسىغا زۇلۇم قىلدى. زىندانغا سېلىپ خورلىدى، ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولدى. ئۇنى قىساس تۇتماي قالمايدۇ…»
بەگىيۈسۈپ كۆپ ئىشلارنى ئويلىدى، پادىشاھ ئادىل بولمىسا، دۆلەتنىڭ ۋەيران، ئاۋامنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزدى ۋە چاھ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.
3
چاھ ئىچىگە يەنە غۇۋا يورۇق چۈشتى. كۆزلىرىنى ئاچقان بەگىيۈسۈپ قايسى چاغ بولدىكىن دەپ ئويلاپ، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ كەتتى، بېشىنى قاتايرىپ قارىدى. «مەھمۇد تېگىنغۇ بۇ، بۈگۈن ئەجەب كېلىپ قاپتىغۇ…» دەپ تازا ئىشىنەلمەي تۇرۇۋەردى، مەھمۇد تېگىن:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەگىيۈسۈپ ئاغا! — دەپ سالام بېرىپ ئۇنى سۆيۈندۈرۈۋەتتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تېگىن. ئىككى ئايدىن بېرى دىدارلىرىنى كۆرۈشكە شۇنچە تەقەززا بولغانىدىم. كېلىپ مېنى بەك خۇش قىلىۋەتتىلە، — دېدى ئۇ ھاياجانلىنىپ.
— يوقلاپ كەلگەن بولساممۇ، زىندان بېشى كۆرۈشتۈرۈشنى رەت قىلدى، يېنىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم، ئاغا.
— مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ پەرمانى شۇنداقتۇ، شاھزادە.
— بۇۋامنىڭ يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگ، زىندان بېشى مۆھسۈرنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ، شۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنلىكى راست، ئاغا، بۇۋام ئۇلارغا يول قويدى. يەنە تېخى خانىش قۇمارى ئاپىنچۇ خاتۇننىڭ سۆزىنى يىرالماي، سۇلايمان ئارسلانخان بوۋامنى ئۆلۈمگە گىرىپتار قىلدى.
— ئاڭلىدىم، ناھايىتى ئېچىندىم…
— بۇ دۇنيا ھەممىمىزگە باقىي ئەمەس، ئاغا، ياخشىلىق ئۆكسۈمەيدۇ، يامانلىق مۇراد تاپمايدۇ.
— مۇھەممەد ئارسلانخان ئاكىسىنىڭ مېيىت نامىزىغا
قاتنىشىپتۇ. ئىچى ئاغرىغان ئوخشىمامدۇ؟ — بېگىيۈسۈپ قىياسىڭىز توغرا — توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن سورىدى.
— ئىچى ئاغرىغاندەك قىلىدۇ. كەمبەغەل — نامراتلارغا كاتتا يۆلەك بەردى، يۈز قولىنى ئازاد قىلدى، كۆرۈشتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ئەمىرنى بىكار قىلدى، مېنىمۇ چاقىرىپ ئەپۇ سورىدى. لېكىن، سىلى قاتارلىق بۈگۈن بەلگىلەرنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تىلىپىمنى رەت قىلمىسىمۇ، دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋاب بېرىي دەپ كېسىكىن بىرنېمە دېيەلمىدى، ئاغا.
— مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنغىنى راست، ئېچىنىش، ئىچ ئاغرىتىش — ھېس — تۇيغۇنىڭ بىردەملىك تەسىرىدىن پەيدا بولغان ئۆتكۈنچى روھىي ھالەت، بۇ ئارزۇ — مەقسەت ئەمەس. ئۇنىڭ مەقسىتى — تەختنى تارتىۋېلىپ قويماسلىق. ۋاھالەنكى، قارا نىيەتلەر جازالانمىسا، ئاۋامغا زۇلۇم قىلىنىۋەرسە، ئۇ مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ.
— شۇنداق، بونى بوۋامنىڭ خۇي — مىجەزى بەلگىلىگەن… زىندان بېشى كېلىپ قالدى، ئۇ كەتكۈچە باشقا ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ تۇرايلى … سالامەتلىكلىرىنى ئاسرىسىلا، ئاغا.
— خۇداغا شۈكۈركىم، ھازىرغىچە يامان ئەمەس تۇرۇۋاتىمەن.
— ئاغا، زىندان بېشى گەپنى تېزرەك تۈگەتسەك، دەپ كېتىپ قالدى. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى.
ئىككى ئالىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
— مېنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر ئىشنى سورىماقچىدىم، تېگىن.
— سورىسىلا ئاغا، تەڭرىم قانچىلىك بىلدۈرگەن بولسا، شۇنچىلىك جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.
— ئەمدى ئاتاساغۇن دىلداربەكەنى بىلەمدىلا؟
— ئەلۋەتتە ئاغا، ئۇنى ئوردىدەكنەتتە بىلمەيدىغان ئادەم يوق،
120
ناھايىتى پەزىلەتلىك بۈگۈ بىلگە. — ئۇنىڭ مېنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان خىيالىنىمۇ بىلەمدىلا، تېگىن؟ — بۇ خىيال ئەمەس، ئاغا، چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ئارزۇ. — سىلىمۇ خەۋەردار ئىكەنلى — دە، تېگىن؟ — سىلى ماڭا دىلداربېكە ئارقىلىق يوللىغان سالاملىرىدىن خەۋەردار بولغىنىمدىن كېيىنلا، بۇ ئىشتىنمۇ خەۋەر تاپقانىدىم. ئۇ تەڭداشسىز يوق ئەقىللىك ھەم جەسۇر قىز ئىكەن. ھېچكىم ئۆندەككە كەلتۈرەلمىگەن قارا يۈرەك جاللاتنى ئاشۇ دانىشمەن ئەلچى قىز ئۆندەككە كەلتۈرگەن … — مەنۇ دىلداربېكىگە قايىل، تېگىن. ئۇ قانداق قىلىپ مېنى قۇتۇلدۇرۇدىكەن؟ زىندانغا پەرىزاتتەك ئۇچۇپ كىرمەيدىغاندۇ … مەھمۇد تېگىن ئۈنسىز كۈلۈمسىرىدى: — ئۇ ئۇچۇپ كىرمەكچى ئەمەس، بۈسۈپ كىرمەكچى. — ئاشۇ قارا پەرەنجىسى بىلەنمۇ؟ — قىلىچ، خەنجەر بىلەن … — بىر ئۆزى؟ — ياق، — مەھمۇد تېگىن دانە — دانە قىلىپ دېدى، — ئۇ ئىككى ئانىسى، قۇمبا خېنىم، ساچىيە، خانلىق مەدرىسىنىڭ بىر قىسىم پىداكار ئۆگىرەنچىلىرى بىلەن زىندانغا باستۇرۇپ كىرىپ، سىلىنى، باشقا بۈگۈ بىلگىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقماقچى، — مەھمۇد تېگىن ئاقبىرا، بۈۋىئايشىلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلىقىنى دېمىدى. — ئۇلارغا قورالنى كىم بېرىمەكچى، تېگىن؟ — يېقىن ئىنىلىرى. — يېقىن ئىنىلىرى؟ سىلىمۇ بۇ خەتەرلىك ئىشقا قاتنىشامسىز، تېگىن؟ — ئۇ مەھمۇد تېگىننىڭمۇ ئۆزىنى قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىنى بىلگىنىدە، تەسىرلەنگىنىدىن
كۆزلىرىگە ياش ئالدى، ياق ياق، سىلى قاتناشسىلا زادى بولمايدۇ، ئىنىم، سىلى ئەل ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ئادەم، قاراخانىيلار ئېلى قۇرۇلغان يۈز يىلدىن بېرى يېتىشىپ چىققان بۈيۈك بۈگۈ بەگكە، كاتتا تېگىن، ياق، زىنھار بولمايدۇ.
ئاغا، سىلىمۇ زامانىمىزدىكى تەڭداشسىز بۈگۈ بەگكە، ئۇلۇغ ئەدىب. ئۆزلىرىدەك بۈزرۈكۋاردىن مىڭ يىلدا بىرى چىقىدۇ. بىر بىرىمىزنى قۇتقۇزساق نېمىشقا بولمايدىكەن؟ بىز بىر بىرىمىزگە كۆيمىسەك، جان پىدا قىلمىساق، كىم بىزگە كۆيۈندۇ، جان پىدا قىلىدۇ؟
بەگتۆسۈپ جاۋاب بەرمەي سۈكۈت قىلدى.
مەن قەتئىي نىيەتكە كەلدىم. زىندانغا ئاشكارا ئەمەس، نىقابلىنىپ، قوراللىنىپ كىرىمىز. مەن ئوپال ئازىقتىكى قورغاندا تۇرۇۋاتقان ئاتامنىڭ يارالغۇچى تېلىتۆمۈربەگ بىلەن پۈتۈشتۈم. ئۇ سىلىگە ناھايىتى ئىخلاس قىلىدىكەن. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگىنىگە نارازى ئىكەن. مەن ئۇنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنچ باغلىغاندىن كېيىن، ئۆزۈمگە لازىم دەپ ئىككى يۈز كىشىلىك قىلىچ، نەيزە، ئوقدان، ساداق، ساۋۇت دۇبۇلغا ئېلىپ، ئاز ئازدىن ئوردۇكەنتكە يۆتكىدىم. قوراللارنى دىلداربەكەنىڭ دۆلەتباغدىكى قورۇسىغا يوشۇرۇپ قويدۇق، پەيت كۈتۈۋاتىمىز.
تەييارلىق قىلىنىپ بولغان ئىكەن دە، تېگىن، ئاقىۋىتى خەيرلىك بولغاي، دېدى قوشۇلمىسا مەھمۇد تېگىننى رەنجىتىپ قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بەگتۆسۈپ، زىنداندىكى بۈگۈ بەگلەر، ئادالەتپەرۋەرلەر ۋە باشقا بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭلار ئۈچۈن قوشۇلىمەن، ئەمما ناھايىتى پەخەس بولۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. كىچىككىنە ئېھتىياتسىزلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن ئاللاھتىن سىلىگە ۋە بۇ ئىشقا قاتناشقۇچى دىلداربەكە باشلىق ھەممە قېرىنداشلىرىمغا نۇسرەت
تىلەيمەن.
مەھمۇد تېگىن بەگىيۈسۈپنىڭ قوشۇلغىنىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدى.
— ئاغا، ئاخىر قوشۇلدىلا، بۇنىڭ بىلەن نۇسرەت قازىنىشىمىزغا بولغان ئىشەنچىم كۈچەيدى. ھازىر جانقورغاندىكى سىپاھلاردىن ئوتتۇز — قىرىقى كېلىپ زىنداننى قوغداۋاتىدۇ، زىنداندىمو ئوتتۇزدىن ئارتۇق ياساۋۇل — نۆكەر بار. سېزىلىپ قالىدىغان بولساق، جانقورغاندىكى بىرنەچچە مىڭ سىپاھ دەرھال يېتىپ كېلىدۇ، ئوردىمو يېقىنىمىزدىلا. بۇنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلىقنى پۇختا قىلىۋاتىمىز. ئەڭ مۇھىم مەسىلە پەيتنى تاللاش، ئۈچ تۈمەن سىپاھ بىلەن قۇزئوردۇغا يۈرۈش قىلغان دوقاقبەگنىڭ مەغلۇپ بولغانلىق خەۋىرىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ خەۋەر كەلگەن كۈن — بىزنىڭ ھەرىكەتنى باشلايدىغان سائىتىمىز بولىدۇ.
— ۋاقىت ياخشى تاللىنىپتۇ. بىر نۇسرەت قازانغاندا، بىر مەغلۇپ بولغاندا دۈشمەننى غەپلەت باسىدۇ. زىنھار ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق كېرەك. ئېيتسىلا تېگىن، ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخاندىن خەۋەر بارمۇ؟
— بار، ئاغا. سىلىنىڭ خاس مۇلازىملىرى ئاداي قۇزئوردۇدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئونىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان كۈچ توپلاۋاتقان ئوخشايدۇ. مەن يابغۇ ئاتىمىز بىلەن ئايتولۇن ئاچىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كۆپ قايغۇردۇم، بەردەمىرەك بولغايلا، ئاغا.
— قازاغا رىزا بولماق كېرەك، تېگىن. بىراق، يۈرەك باغرىم تىلىنىپ كەتتى … ئېيتسىلا ئىنىم، جاھاننىڭ مۇشكۇلاتلىرى، يەڭنە بىلەن قېزىلىۋاتقان قۇدۇقلارنى تىندۇرۇپ قويىمىغاندۇ؟
— ياق، ئاغا. كۈندۈزلىرى مۇشكۇلاتلار بىلەن ئېلىشىپ، كېچىلىرى يەڭنە بىلەن بىر قۇدۇق قازدىمكى، ئونىڭدىن ئاپىرىدە بولغان چەشەمە زىلال قۇت ئىزدەپ چۆللىرىنى كەزگەن
123
ئەجەم ۋە ئەرەب كارۋانلىرىنى ئەمدى چاكىلدىتىپ قويمايدۇ، دېدى مەھمۇد تېگىن ئۈنلۈك كۈلۈپ.
مۇبارەك مۇبارەك. زىنداندىن چىقسام، ئۈچ چەشمە زۇلالدىن مەنمۇ چاڭقىقىمنى قاندۇرۇدىكەنمەن دە، ئىنىم!
ئىنشاناللا، بەگىيۈسۈپ ئاغا. ئۆتكەندە كۆرۈشكەندە ئۆزلىرىمۇ ئاۋامنىڭ قۇت، بايلىققا ئېرىشىشى، پادىشاھلارنىڭ ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن بىر خاسىيەتلىك قەسىر سېلىش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىرىنى ئېيتقانىدىلا. چاھ ئىچىدىكى زۇلمەت، ئازاب، خورلۇق ئۇ خاسىيەتلىك قەسىرنىڭ كۆڭۈل باغلارىدا قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇپ قويمىغاندۇ؟
زىنھار، بەگىيۈسۈپ بېشىنى چايدى، قاراڭغۇلۇقنىڭ دەھشىتى، زالىملارنىڭ ئازابى ھېسسىيات تۇيغۇمنى تاۋلىماقتا. تەسەۋۋۇرۇمنى قاناتلاندۇرۇپ، پىكرىمنى راۋانلاشتۇرماقتا. ئەلھال، كۆڭۈل بېغىمغا ئۇ قەسىرنىڭ ئۆلىنى سېلىۋاتىمەن. پات ئارىدا ئارزۇ تىلەكنىڭ ئايۋان سارايلىرى پۈتۈپ، سەيناسىدا ئۈمىدمنىڭ خۇشبۇي گۈللىرى ئېچىلغۇسى، مۇشۇ ئۆي پىكىر بىلەن بولۇپ، كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قېلىۋاتىمەن.
بارىكاللا ئاغا، بارىكاللا! سىلىدەك چىداملىق، سەۋرلىك زاتنى ئاللا مۇستەھەق يەتكۈزمەي قويمايدۇ.
خەير خوش، يەنە كۆرۈشكىچە ئامان بولغايلا.
مەھمۇد تېگىن ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى سېۋەتكە سېلىپ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر خەنجەر يوشۇرۇقلۇق ئىدى.
بەگىيۈسۈپ يۇقىرىغا قاراپ ئىككى قولىنى كۆتۈردى.
رەھمەت ئىنىم، ئاللا سىلىگە يار بولسۇن. خەير خوش!
مەھمۇد تېگىن ئىككى قولىنى چاھقا ساڭگىلاتتى، ئىككى ئالىم قۇچاقلاشماقچى بولغاندەك، بىر بىرىگە ئالەمچە مۇھەببەت بىلەن تەلمۈرۈشتى …
4
قاراخانىيلار مەملىكىتىنى بىر ئەنسىزلىك قاپلىۋالغانىدى.
بۇغراخاندىن تارتىپ پۇقرالغىچە كۆنلىرى ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. مۇھەممەد ئارسلانخان نامەلۇم كۈچنىڭ ئوردىغا باستۇرۇپ كىرىپ تەختنى تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ قايسىسىغا ئىشىنىش، قايسىسىغا ئىشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلەلمەي خەۋپسىرەيتتى. شاھزادىلەردىنمۇ گۇمانلىناتتى. ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆرسىتىۋاتقان ھۆرمەت - ئېكرامى، ساداقىتى ساختىدەك، بېرىۋاتقان مەلۇماتلىرى يالغاندەك بىلىنەتتى. قانداق قىلىشنى بىلەلمەي، مەملىكەت ئىشلىرىنى بېجىرىشنى ئۆزى ئىشەنمەيدىغان يەنە شۇ ۋەزىر - ۋوزىلارغا تاپشۇراتتى. خالىمىغان ھالدا ئۇلارنىڭ خوشامەتگۆيلۈك بىلەن قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلايتتى، ئىچى تىت - تىت بولاتتى.
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ زىنداندا قازا تېپىشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ھەرقايسى قەبىلە - ئايماقلار ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىپ ياد ئېتىشەتتى. ئۇنىڭ باش ۋەزىرى بولغان بەگيۈسۈپنى زىنداندىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشاتتى. بۇ ھال باش ۋەزىر بوزاغۇنىڭ غەزىپىنى قاينىتىپ، ئۇنى ئەسەبىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر تۇتۇلۇپ زىندانغا تاشلاندى، چېپىپ ئۆلتۈرۈلدى، دارغا ئېسىلدى. مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، كىشىلەر مۇھەممەد ئارسلانخانغا قارىغاندا، ئۆزىنى قەيسەربەگ دەپ ئاتىۋالغان بوزاغۇدىن بەكرەك ئەيمىنەتتى، قورقاتتى. ئۆمۈر تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچراشتىن قوغدىنىش ئۈچۈن، چاۋاربەگ، قابان، ھەمدۇل دېگەن ياساۋۇللارنى كەينىگە سېلىپ يۈرەتتى.
بەگيۈسۈپكە ئىخلاس قىلىدىغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ناھايىتى
125
ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەندەك، ئاز گەپ قىلىشاتتى. خىزمەتچىلىرىمۇ جىم - جىملا قىلىشاتتى.
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، قۇماربېكە تېخىمۇ غادىيىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇنىڭغا «ئالتۇن تارىم» دېگەن ئاتاقنى بېرىپ، خورىنى ئۆستۈرۈپ قويغانىدى. ئۇ «يىلاننىڭ بېشى ئۈزۈلدى، قۇيرۇقىنىڭ كارى چاغلىق» دەپ قاراپ، ئاكىسى بوزاغو ۋە ئوغلى ئىبراھىم تېكىن ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردىكى قارلۇق قىساسچىلىرىنى قۇترىتىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىققا كىرىشتى. ئۇ قوزغۇلاڭنىڭ ئېلىمخانى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخاننىڭ باستۇرۇپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. «ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرمەي قالمايدۇ، پەيت كۈتۈۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتاتتى. ھۈسەيىن ئارسلانخاندىنمۇ گۇمانلىناتتى. «بۇ بېلى بوش تېكىن ئەبۇ ھەسەن تېكىن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالمىسا بولاتتى. ئۇ بۇغراخان بولۇپ قالسا ئاكامنى ھەرگىز يۆلەش بېشى قىلمايدۇ. ئوغلۇمنىمۇ سۇباشلىقتىن ئېلىۋېتىدۇ، ھەممە ئىشىمىز يوققا چىقىدۇ. مەھمۇد تېكىننىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشتى. ئاتىسىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، بەگىيۈسۈپنى ئوردىغا ئەكىرىۋالدى. يۆلەش بېشى قىلىشىمۇ مۇمكىن…» ئۇ خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن قورقۇپ، ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ تەختكە چىقىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، دەپ قارار قىلدى. بوزاغو ۋە ئوغلى ئىبراھىم تېكىن بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇلارنى قاتتىق بولۇشقا، قارشى چىققانلارنى رەھىم قىلماي جازالاشقا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. شۇڭا، زىندانلارغا تاشلىنىۋاتقانلار، چېپىلىپ، دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلار ئايىغى ئۈزۈلمەي كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغانىدى.
مانا شۇنداق چاغدا، ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن قۇرۇق قول
قايتىپ كەلگەن دوقاقبەگ ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان قۇماربېكەنىڭ شېرىن چۈشىنى بۇزۇۋەتتى ۋە ئۇنى قاتتىق ئاچچىقلاندۇردى، بوزاغۇننىڭمۇ غەزىپى قوزغالدى …
مۇھەممەد ئارسلانخان ئوردا مەسچىتىدە پېشىن نامىزىنى ئۆتەپ چىققاندا، بۇغراخان سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان دوقاقبەگنى كۆرۈپ ھەيران بولدى. دوقاقبەگ ئالاسالاپ كەلگىنىچە يەرگە باش قويۇپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شاھىنشاھ بۇغراخان ئالىيلىرى. ئەزىز دەرگاھلىرىغا سالامەت يېتىپ كەلگىنىم ئۈچۈن ئالەمچە خۇشالمەن.
مۇھەممەد ئارسلانخان قول ئىشارىتى بىلەن كەينىدىن مېڭىشقا بۇيرۇدى. بۇغراخان سارىيىغا كىرىپ، تەختتە ئولتۇرۇپ سورىدى:
— ئىشىكئاغىسى، سەيلىگە بېرىپ كەلگەندەكلا خۇشال كۆرۈنىسىز، بۇنچىۋالا مەمنۇن بولغۇدەك نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭىز؟
تېزلانغان دوقاقبەگ بېشى چۈشۈپ كەتكەن بوزاغۇنغا بىر قارىۋېتىپ جاۋاب بەردى:
— ئەي شاھى جاھان، ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن بولسۇن، دۈشمەنلىرى گۇمران بولسۇن! شەردەك ھەيۋەتلىرى ئالدىدا، يولۋاس مۈشۈك بولدى، قىلدى بەيئەت ئۆزلىرىگە، مەرتىۋىلىرى بۈيۈك بولدى، قايتىپ كەلدىم نۇسرەت قۇچۇپ، تۇغ - ئەلەملىرىنى مەھكەم تۇتۇپ…
— خوش خەۋىرىڭىزگە تەشەككۈر، ئەمدى ئەھۋالنى بايان قىلساق، — دېدى مۇھەممەد ئارسلانخان تاقەتسىزلىنىپ.
— ئەي شاھى جاھان، ئەلگە پاسىبان، ئەمىرلىرىگە بىنائەن ئۈچ تۈمەن لەشكەرنى باشلاپ، بەدەخشان داۋانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام، ئارسلانىمىز ھۈسەيىن ئېلىكخانغا ئالدىن ئەۋەتكەن
چاپارمەن قايتىپ كەلدى. ئۇ ئېلىكخاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ، بارسىغاندا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تېز يۈرۈپ بارسىغانغا يېتىپ باردۇق. ئالىيلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن تېگىن يەتتە چاقىرىم يەرگىچە ئالدىمىزغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. لەشكەرلىرىم بارگاھ قۇرۇپ شەھەر سىرتىدا قالدى. ۋەلىئەھدىمىز بارسىغان شەھىرىنى خوش ھاۋا چار باغقا ئايلاندۇرۇپتۇ، شاھىنشاھىم، پاساھەت - قابىلىيىتىڭگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم، - ئۇ سۆزىنى توختىتىپ، تەختتە سەما بولۇپ ئولتۇرغان مۇھەممەد ئارسلانخانغا تەزىم قىلدى. بوزاغۇننىڭ چىرايى تاتىرىپ غەلىتە بولۇپ كەتتى. دوقاقبەگ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - پەرەزنتلىرى ھۈسەيىن ئارسلانخان چەۋەندازلىقتا كامال تېپىپلا قالماي، ئەل باشقۇرۇشتىمۇ ئىقتىدارلىق ھۆكۈمدار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپتۇ، بىزگە كاتتا ھۆرمەت كۆرسەتتى. ئۇ ئاۋۋال ئالىيلىرىنىڭ سالامەتلىكلىرىنى سورىدى، ئاندىن ئەمىرلىرگە پەرمانبەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن قوشۇندۇغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى يارلىقلىرىنى يەتكۈزدۈم، ئۇ: «بۇغراخان ئاتامنىڭ مەقسەت نىشانى ماڭا ئايان، جەڭ قىلىپ قان تۆكمەكچى ئەمەس، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخانغا ئۆزىنى ئىقرار قىلدۇرماقچى. شۇڭا، لەشكەر تارتىپ بېرىش ھاجەتسىز، ئۆزۈم بېرىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېلەي. سىز بۇ يەردە دەم ئېلىپ تۇرۇڭ» دېدى. تېگىننىڭ سۆزىنى رەت قىلالماي: «ۋەلىئەھد ئالىيلىرى، مەنمۇ ئۆزلىرىگە ھەمراھ بولۇپ باراي» دېۋىدەم، ئىككىلەنمەستىن ماقۇل بولدى. يۈزدەك سىپاھ بىلەن قوشۇندۇغا باردۇق. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان يۇرتۇغلۇرى بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئۇ ساقاللىرىنى قويۇۋېتىپتۇ، چىرايىدىن ھەسرەت - نادامەت تۆكۈلۈپ، تېخىچە ھازىدار ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى، بىزنى ئوردا تەكىيەخانىسىغا چۈشۈردى. مەن خەتەمقۇرتان قىلىپ ھال سورىدۇم. قارىغاندا ھۈسەيىن
128
ئارسلانخاننى ئۆزىگە يېقىن بىلسە كېرەك، ئونىڭدىن ئانىسى، ئۇرۇق - توغقانلىرىنى بىر - بىرلەپ سورىدى، ئاتىسى توغرۇلۇق ئۈن چىقمىدى. شاھزادىمۇ ئۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى. مەن يولدا كېتىۋېتىپ: «بىزنى كۆرۈش بىلەنلا ئاتىڭىزنىڭ ۋاپاتى توغرۇلۇق سورۇشتە قىلىپ ئاچچىقلىنىدۇ، ھەتتا بىزگە غەزەپ قىلىشى مۇمكىن، يولۋاس ئېنىدىن ساق چىقساق بولاتتى» دەپ غەممۇ قالغانىدىم. ئونداق بولمىدى. ھۈسەيىن ئارسلانخان ئائىلىسىنىڭ بۇغراخانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن بېرى، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخاننىڭ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي جىم تۇرۇۋالغانلىقىدىن خاتىرجەم بولالمىغىنىنى ئېيتىۋېتىپ، «مەن مەلىكۇل مەشرىق ھەم سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ نەۋرىسى، شۇنداقتىمۇ مەرھۇم بۇغرا قاراخان ئاتام ئۆزى بېكىتكەن ۋەلىئەھەد، شۇڭا مېنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشۈم ھاجەتسىز» دېدى. «دېمەك، جەڭگە تەييارلىق قىلىپ قويۇپلا - دە» دېۋىدىم، «لەشكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ مەجبۇر قىلسىڭىز، جەڭ قىلماي ئامالىم يوق» دېدى. كۆپ سۆزلىشىشلەردىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىمىزگە چىقىشمايدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.
— بۇ نېمىدېگەنلىرى، قاپۇغچى بېشى، ئائىلىرىگە چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، — دېدى بوزاغو جەڭ قىلماي قايتىپ كەلگەن دوقاقبەگدىن قاتتىق نارازى بولۇپ.
— يۇغرۇش بېشى توغرا دېدى. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان مېنىڭ بۇغراخان بولغىنىمنى ئېتىراپ قىلامدىكەن؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭ، — مۇھەممەد ئارسلانخان ئۈنىنى ئالدىراتتى.
دوقاقبەگ تېزلانغىنىچە بېشىنى ئەگدى:
— شاھىنشاھ ئائىلىرى، بۇ ھەقتە ئۈچ كۈنگىچە دەتالاش قىلدۇق. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان مەرھۇم ئاتىڭىزدىنلا جاھىل ئىكەن. ئۇ: «ئاتام ۋاپات بوپتۇ، ئونىڭ ئورنىنى جەڭ قىلىپمۇ تولدۇرغىلى بولمايدۇ. مەن قاراخانىيلار ئېلىنىڭ پارچىلىنىشىنى زىنھار خالىمايمەن. ماقۇل، مۇھەممەد ئارسلانخان تاغامنىڭ
بۇغراخان بولغىنىنى ئېتىراپ قىلاي، ئۇ مېنىڭ شەرتىمنى تولۇق ئورۇنلىسۇن» دەپ، قوبۇل قىلىش تەس بولغان شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۈسەيىن ئارسلانخان ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ئاخىر ئۇنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەھدنامە تۈزدۇق. شۇنداق قىلىپ، قىلىچىمنى قىنىدىن سوغۇرماي، ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن سەيلىدىن قايتقاندەك يېنىپ كەلدىم، ئالىيلىرى … — دوقاقبەگ تېزلانغىنىچە مېڭىپ تەخت ئالدىغا كەلدى ۋە شەرتلەرنى ئاغزاكى بايان قىلىپ، ئەھدنامىنى مۇھەممەد ئارسلانخانغا سۇندى. ئاندىن يەرگە سېلىقلىق رەڭدار خوتەن گىلىمى ئۈستىگە باش قويدى.
— ئوقۇڭ، يۇغرۇش بېشى، — دېدى بۇغراخان سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق قەغىزىگە يېزىلغان ئەھدنامىنى ئۇزارتىپ. بوزاغۇ سەل تىترەشكەن قوللىرى بىلەن خەتنى ئېلىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەھدنامە
ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، شۇنداق خۇسۇستا ئەھدنامە يازىمەنكى، مەرھۇم سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى، قۇزغۇردۇننىڭ ئېلىكخانى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان، ئاتامنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بۇغراخان بولغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىمەن. بۇنىڭ بەدىلىگە سابىق يۇغرۇش بېشى بەگىيۈسۈپنى زىنداندىن چىقىرىپ قۇزغۇردۇنغا ئەۋەتىپ بېرىشكە، زىنداندىكى بارلىق بۆگۈ بەگكە، دۆلەت ئەربابلىرىنى قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى لازىم. كاپالەتلىك قىلىنمىسا، ئېتىراپ قىلىنمىسا ئەھدنامە كۈچكە ئىگە ئەمەس.
بارسغان ئېلىكخانى ھۈسەيىن ئارسلانخان ۋە بۇغراخان
سارىينىڭ قاپۇغچى باشى دوقاقبەگكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ ئەھدنامىگە مەن بىلەن بىللە قول قويدى. بۇ ئەھدنامە پۈتۈن مەملىكەت ئەھلىگە ئامانلىق بەخش ئەتكەي.
راستلىقى ئۈچۈن: قۇزئوردۇ ئېلىكخانى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان بىننى سۇلايمان ئارسلانخان.
راستلىقى ئۈچۈن: بارسغان ئېلىكخانى ھۈسەيىن ئارسلانخان بىننى مۇھەممەد ئارسلانخان.
راستلىقى ئۈچۈن: بۇغراخان سارىينىڭ قاپۇغچى باشى دوقاقبەگ.
ھىجرىيە 448 - يىلى شەۋۋالنىڭ 11 - كۈنى ① قۇزئوردۇ»
بوزاغۇ ئەھدنامىنى ئوقۇپ بولۇپ، مۇھەممەد ئارسلانخانغا قوش قوللاپ سۇنۇپ بەردى ۋە ئورنىغا ئولتۇرۇۋېتىپ دوقاقبەگكە ئالىيىپ قويدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئەھدنامىنى ئۆزى بىر ئوقۇپ چىقىپ ئويلىنىپ قالدى. «ھەسەن تەگكەن شەرت قويمايلا ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، كۆڭلۈم ئەمىن تاپقان بولاتتى. شەرتنى ئادا قىلمىسام، ئۆزى ئېيتقاندەك قىلىچ كۆتۈرۈشى مۇقەررەر. ئۇ چاغدا جەڭمۇ شىددەتلىك بولىدۇ. پەرغانەنىڭ ئېلىكخانى ئىبنى مەھمۇد ئارسلانخانمۇ جىم تۇرۇۋالدى. ئەگەر ئىككىسى بىرلىشىۋالسا نۇسرەت قازانماقلىق بەسى مۈشكۈل. تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تەگكىن ئولار بىلەن يېقىن، مېنى قوللىمايدۇ. ئەستەغپۇرۇللا، قانداق قىلسام بولاركەن؟ …»
باشلىنىپ كەتكەن غولغۇلا ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى.
① مىلادىيە 1056 - يىلى 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
— ئەبو ھەسەن ئىبلىسخانىنىڭ شەرتىنى ئورۇنلاش يولۋاس، قاپلانلارنى ئىنىدىن چىقىرىپ ئوردىغا قويۇپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. ئۇ چاغدا ھەممىمىزگە ئامانلىق بولمايدۇ. قوزغۇلاڭچىلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش كېرەك، — دېدى بوزاغۇ كېسكىن ھالدا، — مەن بەگىيۈسۈپنىڭ زىنداندىن چىقىرىلىشىغا قوشۇلمايمەن.
بوزاغۇنى بىر قانچە يۇغرۇش، ھاجىپ ۋە ئىبراھىم تېكىن قوللىدى.
— ئەلىنىڭ بەختى بار ئىكەن، — دېدى ھاجىپ تۇردۇش ئاخۇن بارچۇقى قوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان ھالدا، — قان تۆكۈلمىگىنى ئوبدان بوپتۇ، خاقانىم. بۈگۈن بەگىيۈسۈپنى زىنداندىن چىقىرىپ قوزغۇلاڭچىلارغا ئۇزىتىپ قويايلى. ئەللىكى ئەنسىزلىك شۇنىڭ بىلەن تۈگەپ، ئەمىنلىك، ئاسايىشلىق باشلانسا ئەجەب ئەمەس…
ئۇنى يەنە بىر قانچە يۇغرۇش، ھاجىپ، سۇباشلار قوللىدى. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە گىدېيىپ ئولتۇرغان ئىبراھىم تېكىن ئورنىدىن تۇردى:
— بۇغراخان ئاتا، ئەبو ھەسەن تېكىننىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھۈسەيىن ئارسلانخان ئاغام قورقۇنچاقلىق قىپتۇ، ئۇنىڭ ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كېلىشىگە يول ئېچىپ بېرىپتۇ، ۋەلىئەھد بولۇشقا لايىق ئەمەس ئىكەن.
— شاھىنشاھىم، ئىبراھىم تېكىن ناھايىتى توغرا دېدى. بۇ ئەھدنامىنى يىرتىپ تاشلاش، قوزغۇلاڭچىلارغا قايتىدىن لەشكەر ماڭدۇرۇش كېرەك. ھۈسەيىن ئارسلانخاننىمۇ چاقىرتىپ، خاتالىقىنى ئۆزىگە تونۇتۇپ قويۇش لازىم، — دېدى بوزاغۇ.
ساراي ئىچى جىم بولۇپ كەتتى. ھەممىيلەن بۇغراخاننىڭ ئاغزىغا قاراشتى. ئەمما، ئېغىز ئاچقان ئۇ بولماستىن، سارايغا ھەممىدىن كېيىن كىرگەن مەھمۇد تېكىن بولدى:
— بۇغراخان بوۋا، — دېدى ئۇ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، — مەن ئەھدنامىگە ئەمەل قىلىش ھەممىدىن زۆرۈر،
دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئەل تىنچلىق، جەڭگى - جېدەلگە ئەمەس، خاتىرجەملىككە، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە موھتاج، بۇنىڭغا بۇغراخان جەمەتى تېخىمۇ موھتاج! بۇ قېتىم جەڭ بولۇپ قالسا، قايسىمىزنىڭ ئۆلۈپ، قايسىمىزنىڭ تىرىك قالىشىمىز ئاللاھقا مەلۇم… بۇۋا، تازا ئويلاپ كۆرۈسلى. باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئەڭ قەدىرلىك قېرىنداش، ساداقەتمەنلەردىن ئايرىلىپ قالىدىلا. يەنە ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىسلى قالغان نەرسىلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشلىرى مۇمكىن. شۇڭا، خوشامەتچىلەرنىڭ تىلىنى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ قەلبلىرىنى تەكشۈرۈپ باقسىلا، ئاۋامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالسىلا، ئاندىن بىر قارارغا كېلىپ يارلىق چۈشۈرسىلى.
چىرايى قارىداپ كەتكەن بوزاغۇ بىرنېمە دېمەكچى بولدى - يۇ، قولىنى سىلتەپ ئورنىدىن تۇرمىدى. چىرايى ئۆچكەن دوقاقبەگ يۇغان سەللە ئورالغان بېشىنى چايقاپ قويدى. ئەمدى نېمە دەر كىن، دەپ بۇغراخانغا تىكىلگەن ۋەزىر - ۋۇزارالار، كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئالماي سۈكۈت قىلىشتى.
ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان جىمجىتلىق خېلى داۋام قىلدى. بۇغراخان سارىيىنىڭ قىيا ئوچۇق دەرىزىسىدىن كىرگەن مەيىن شامال پەردىلەرنى ئۈچۈرتۈپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتكەن دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ سۈرۈن چېھرىلىرىنى سىيپاپ ئۆتەتتى.
بىر قارارغا كەلگەن مۇھەممەد ئارسلانخان تەختتىن قوپتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەممىلەن ئورنىدىن تۇرۇشتى.
- جانابلار، مەن كۆپ ئويلاپ، ئاخىر ئەھدنامىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلدىم. يارلىق: بۈگۈ بىلگە بەگىسۇپ زىنداندىن چىقىرىلىپ، قوزئوردۇغا يولغا سېلىپ قويۇلسۇن! تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەر قويۇپ بېرىلسۇن!
مۇھەممەد ئارسلانخان تەختتىن چۈشۈپ ھەرەمدىكى قەسرىگە چىقىپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئەل ئىچىدىكى ئەنسىزلىك بارا - بارا پەسىيىشكە يۈز تۇتتى.
بەشىنچى باب: يولدىكى سۈيىقەست
1
بەگىيۈسۈپلەرنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى شۇم خەۋەر قانچە تېز تارقىلىپ، ئەل ئىچىدە قورقۇنچلوق ۋەھىمە پەيدا قىلغان بولسا، قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خوش خەۋەرمۇ شۇنداق چاپسان قۇلاقتىن - قۇلاققا يېتىپ، مەملىكەت ئەھلىگە مىنلىك بەخش ئەتتى. غەم - غۇسسىدە قالغان پۇقرالارنىڭ سارغايغان چېھرىگە قان يۈگۈردى، ئائىلىلەر خوشاللىققا چۆمدى. «ئوبدان بولدى» دەپ كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ چەپىكى يەرگە چۈشتى. ئۆچ ئالماقچى بولغانلار قىلىچلىرىنى قىنىغا سېلىشتى. بوزاغۇ پىچاقنى قوينىغا يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي قالغان ئىبراھىم تېگىن ئاتىسىنىڭ بۇنداق يۇمشاق قوللۇق قىلغىنىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي ئەندىشىدە قالدى. تاغىسى بوزاغۇغا بۇ ئەندىشىسىنى ئېيتقانىدى. ئۇ ئاقىرىشقا باشلىغان شالاق ساقاللىرىنى سىلاپ ئەپسۇسلانغان ھالدا دېدى:
— تېگىن، بۇنىڭدىن قايغۇرمىسىلا. ئاتىلىرىنىڭ بۇنداق كەڭ قوللۇق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆزىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ئەلنى تىنچلاندۇرۇش. لېكىن، ئۇ ناھايىتى خاتا قىلدى، بالام، — بوزاغۇ سىڭلىسىنىڭ بۇ ئوغلىنى بىرىنچى قېتىم «بالام» دەپ ئاتاپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆز ھامىيلىقىغا ئېلىش غەرىزىنى ئوچۇقلا ئاشكارىلىدى، — ئەلنى بىز تىنچىتمايمىز، تىنچىتىشقىمۇ يول
قويمايمىز. — قانداقسىغا يول قويمايلا، قەيسەربەگ ئاغا؟ — دەپ سورىدى ئىبراھىم تېگىن، ئاتىسىغا قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلغان تاغىسىنىڭ پىلانىنى بىلمەكچى بولۇپ. — بۇ توغرۇلۇق ئاتىلىرى ئالتۇن تارىم بىلەن مەسلىھەتلىشىمىز. قېنى، ئاتلىرىڭغا قامچا ئۇرۇسلا. ئۇلار ئورداغا كىرگۈچە گەپ — سۆز قىلىشمىدى. مۇھەممەد ئارسلانخاننى كۈتۈپ، كېنىزەكلەرگە چاچلىرىنى تارتىپ، دېرىزىدىن قاراپ ئولتۇرغان خانىش قەسر ھويلىسىغا كىرىپ كەلگەن ئاكىسى بىلەن ئوغلىنى كۆردى. ئۇ: — ئۆيگە كىرىشىسلا، — دېدى ئۇلارنى ئارامگاھ سارىيىنىڭ مېھمان كۈتۈش ئۆيىگە باشلاپ، — خاقان ئالىيلىرى دۆلەتباغدا قالغان ئوخشىمامدۇ، ئاكا؟ — ھەئە، شۇ يەردە قالدى. — چوك خانىش ئوپالدىن كەلگەندىن بۇيان دۆلەتباغدا تۇرۇۋاتاتتى، شۇنىڭ يېنىدا قاپتۇ — دە. ھەر قاچان مەھمۇد تېگىنمۇ شۇ يەردىدۇ؟ — توغرا ئويلاپلا سىڭلىم، ئۇمۇ شۇ يەردە. زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەن بەگىيۈسۈپ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۆتۈلۈشىنى نازارەت قىلىۋېتىپتۇ، — بوزاغۇ جاۋاب بەردى، ئىبراھىم تېگىن بىلەن كىمخاب يەڭگىندازدا قاتارلىشىپ ئولتۇردى. — زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرمۇ دۆلەتباغدا تۇرامدىكەن؟ — قۇماربىكەنىڭ ئاچچىقى كەلدى. ئۇ بەگىيۈسۈپلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگىنىگە قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپ كېلىۋاتاتتى. مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ بۇ ئامراق خوتۇنىنىڭ تاپا — تەنەسىدىن قېچىپ، ئۇنىڭ قەسرىگە ئاز كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. — ئاتامنىڭ ئەمرى بىلەن زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلەر مەلۇم ۋاقىت دۆلەتباغدا كۈتۈلىدىكەن، ئاپا، — دېدى ئىبراھىم
تېگىن بوزاغۇدىن بۇرۇن زۇۋان سۈرۈپ. — توۋا — توۋا، خاقاننىڭ بېشى ئايلىنىپ قالغانمۇ نېمە؟ دۈشمەنلىرىنى خانلىق باغدا بوردام نېمە قىلماقچىدۇ؟ بەگىيۈسۈپنى يۇغۇرۇش بېشى قىلماقچىمىدۇ؟ ئاكا، زادى نېمە ئىشلار بولۇۋاتقىنىنى ماڭا دەپ بېرىسلى، — قۇماربېكەنىڭ كۆك كۆزلىرىدىن كۆكۈچ نۇر چاقناپ، چىرايى شەپەردەك قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئاچچىقى بىلەن كېنىزەكلىرىگە چىراغلارنى ياندۇرۇپ، داستىخان سېلىشنى بۇيرۇدى. — قورسىقىمىز توق، ئابا. بەگ تەرىپىدىن يېنىپلا كېلىشىمىز، — دېدى مەستلىكى تازا يېشىلمىگەن ئىبراھىم تېگىن.
قەندىللەردىكى شام — چىراغلار يېقىلىپ ئۆينىڭ ئىچى سۈتتەك يورۇدى. ئىچى تىتىلداپ تۇرغان خانىش: — تاماق يېمىسەڭلار، شاراب ئىچىڭلار. ھاي توقۇش، گۈلەم، مەيزاپ، پۇقا كەلتۈرۈڭلار، — دەپ كېنىزەكلىرىگە بۇيرۇدى. — شاراب ئىچسەك ئىچەيلى. مەن خاقاننىڭ دۆلەتباغدا قالىدىغانلىقىنى ئۆزىدىن سوراپ بىلگەندىن كېيىن، شاھزادىنى ئېلىپ، سىلى بىلەن مەسلىھەتلىشىشلى ئالدىراپ كەلگەنىدىم، — بوزاغۇ سىڭلىسى ئۇزاتقان شارابنى بىر كۆتۈرۈشتە ئىچىۋەتتى، — سىلى دېگەندەك خاقاننىڭ بېشى ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇ بەگىيۈسۈپلەرنى زىنداندىن چىقارغىنىنى ئاز دەپ، ئۇلارنى دۆلەتباغدا كۈتۈۋاتىدۇ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، خىزمەت قىلىمەن دېسە خىزمەتكە تەيىنلەيدىغان، كەتمەيمەن دېسە ئېلىگە قايتۇرىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ كۆتۈنۈشكە نازارەتچىلىك قىلىشقا مەھمۇد تېگىننى بەلگىلىدى. شۇڭا، بۇ شاھزادە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ دۆلەتباغدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئەبۇ ھەسەن تېگىن بىلەن تۈزگەن ئەھدنامىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئىشلار، — بوزاغۇ شارابتىن يەنە بىر جام ئىچىۋېتىپ سۆزىنى
داۋاملاشتۇردى، ئېھ بۇ ھەسەن ئېلىكخان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بۇغراخان بولغىنىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئەشكەنجىدىن ئەۋەتكەن مەكتۇپ تۈنۈگۈن كەلدى. مەھمۇد ئارسلانخاننىمۇ ئېتىراپ قىلىپ يوللىغان مەكتۇپىنىمۇ تاپشۇرۇۋالدۇق. بۇنىڭدىن غايەت خۇشال بولغان مۇھەممەد ئارسلانخان بەگىيۈسۈپنى چاقىرتىپ، ھاجىبۇل ھۇجراپ بولۇپ ئوردو كەنەتتە تۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنىدى، «مەن قوزغۇلدۇغا كەتسەممۇ بولمايدۇ، ئالىيلىرى. قالغان ئۆمرۈمدە ئەۋلادلىرىم ئۈچۈن بىر خاسىيەتلىك ئىش قىلاي دەۋاتىمەن» دەپ رەت قىلدى. خاقان «قانداق خاسىيەتلىك ئىش؟» دەپ سورىدى، «دۆلەت باشقۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، پادىشاھ، ئەمەلدار، ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا بىر كىتاب يازماقچىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. خاقان «راستلا خاسىيەتلىك ئىش ئىكەن» دەپ ئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى. بەگىيۈسۈپ «زىنداندىن چىققانمىزغا بىر ئايدىن ئاشتى. رۇخسەت قىلسا، مەن ئاۋۋال ئوردامغا بېرىپ، مەرھۇم سېيىت ئەلى ئارسلانخان مازىرىدا بىرنەچچە كۈن ئىستىقامەت قىلغاچ، بۈزرۈكۋار ئانىمىز مەلىكە ئادرا تۈركەن خاتۇننىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ كەلسەم» دەپ ئىلتىماس قىلدى. مۇھەممەد ئارسلانخان قوشۇلۇپ ئاقيول تىلىدى.
يەنە بىر جام شارابنى سۇنغان قۇماربەككە:
قاچان يولغا چىقىدىكەن؟ دەپ ئالدىراپ سورىدى.
ئەتە.
يالغۇز ئۆزى بارامدىكەن؟
يوقسۇ، شاگىرتلىرى، ئىخلاسمەنلىرى بىلەن. بۈگۈن بەگكە ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپمۇ ئىككى نەپىرى، شاگىرتلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارىدىكەن. مەھمۇد تېگىنمۇ بارىدىغان ئوخشايدۇ.
قۇماربەككە ئاچچىقلاپ چاۋاقىدى:
ئوردو كەنەتتىكى ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ
كەتسە بوپتىكەن، جۆۋەينىمىكىلەر … — يەنە كىملەرنىڭ بىللە بېرىشىنى كىم بىلىدۇ، ئابا، بارسا بارمامدۇ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز! — دېدى ئىبراھىم تېگىن پەرۋاسىز ھالدا. — سەن نېمىنداق بېغەرز، بالام، بايا تاغاڭنىڭ ئېيتقانلىرىدىن سەزمىدىڭمۇ؟ مەن بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغانىكەنمەن. خاقان ئېرىمنى ئۆزۈمنىڭ ئالقىنىدا، ماقۇللۇقىمنى ئالماي تۇرۇپ دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلمايدۇ، دەپ يۈرەتتىم. ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدى. ئۆزىمۇ، باشقىلارمۇ ئالدايدىغان ئادەم ئىكەن ئۇ. مەملىكەتتىكى ئەنسىزلىكنى تۈگىتىپ، ئۆزىنى ھەممە ئېلىكخان، يابغۇلارغا ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، تەختتە بەخىرامان ئولتۇرماقچىكەن، شۇنداقمۇ؟ — دېدى قۇماربېكە سوغۇق نەزىرى بىلەن بوزاغۇغا قاراپ. — شۇنداق، سىڭلىم، ناھايىتى توغرا دېدىڭ. قۇماربېكە جامغا تولدۇرۇپ قويغان شارابنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. ئۆزىنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى. — ئېرىم تەختتە بەخىرامان ئولتۇرسىغۇ مەيلى ئىدى، بىراق نىيىتى باشقا … — نىيىتى باشقا دەمسەن؟ — ھەيران بولدى ئىبراھىم تېگىن، — ئاتام قانداق قىلماقچى، ئابا؟ — ئاتاڭ قانداق قىلماقچىدى، تەختنى ئىككى كاتتا پادشاھنىڭ نەۋرىسى بولغان ھۈسەيىن ئارسلانخانغا خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى. — نېمىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن؟ — سەۋەبىنى بىلمەكچى بولدى ئىبراھىم تېگىن.
① ئىككى كاتتا پادشاھ ھارۇن بۇغراخان بىلەن مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان پادشاھنى كۆرسىتىدۇ.
— جىق ئىشلارغا ئەقلىڭ يەتمەيدۇ، بالام. ئاتاڭ قېرىدى، كۈچ - قۇۋۋەتتىن، ئەقىلدىن قالدى، شۇڭا ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ئۆلۈمىنى تەختتە ئولتۇرغۇزماقچى. ئەمدى ئۇقتىڭمۇ، بالام؟ — لېكىن سەن «تاغاڭ ئىككىمىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سېنى تەختكە چىقىرىمىز» دېگەنىدىڭغۇ. ھۈسەيىن تېگىن تەختكە چىقسا بىز قاراپ تۇرىمىزمۇ؟ — سەن قاراپ تۇرامسەن، ئوغلۇم؟ — قۇماربەككە سوئالنى ياندۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى. — مەن نېمىشقا قاراپ تۇرىدىكەنمەن. مەن دېگەن قارلۇق يابغۇسىنىڭ نەۋرىسى، — دېدى ئىبراھىم تېگىن مەغرۇر ھالدا ئانىسىنىڭ ئۆگەتكەن سۆزلىرىنى تەكرارلاپ، — ئۆلسەممۇ تەختنى ھۈسەيىن تېگىنگە بەرمەيمەن، تەختتە ئۆزۈم ئولتۇرىمەن! — مانا ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇمدەك گەپ قىلدىڭ، تەختتە سېنى ئولتۇرغۇزىمىز! — بۇ راستمو؟ — ئىبراھىم تېگىن ئانىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ يۈزۈلۈك چىقىپ تۇرغان چىرايى قۇماربەككە ياقتى. — راست، ئوغلۇم. بۇغراخانلىق تەختكە سەندىن باشقا ئادەم مۇناسىپ ئەمەس. كىم ئۆزىنى مۇناسىپ سانىيدىكەن، ئۆلتۈرۈلىدۇ، — قۇماربەككە نەزىرىنى ئوغلىدىن بوزاغۇغا يۆتكىدى، — ئاكا، ئەمدى قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرساق بولمايدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئايماقلاردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ سەركەردىلىرىنى ئوردوكەنتكە توپلاش زۆرۈر. ئۇلار سودىگەر، ھۈنەرۋەن سىياقىدا بىر - بىرلەپ كېلىپ، بۇ يەردىكى سارايلارغا چۈشسۇن. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، بىرلا قوزغىلىپ تەختنى تارتىۋېلىشىمىز كېرەك، قوزغىلاڭغا قايتماقچى بولغان بەگىيۈسۈپنى ئۆچۈرۈش بىزنىڭ بۇ يولدا باسقان بىرىنچى قەدىمىمىز بولۇپ قالسۇن.
— باش ئۈستىگە، ئالتۇن تارتىم. بۈگۈن كېچىلا ئادەم ئورۇنلاشتۇراي، شەپە چىقارماي يولدىلا جايلىۋەتسۇن، — دېدى بوزاغۇ ئىشەنچ بىلەن.
— ئاتامنىمۇ، ئاكامنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇق؟ — ئىبراهيم تېگىن قېنى قىزىپ سورىدى.
— ئوغلۇم، سېنىڭ تەختتە ئولتۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئاتاڭ تەختتىن چۈشۈشى شەرت. ھۈسەيىن ئارسلانخان تەختكە چىقىش ئۈچۈن سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ قول سالغۇچە بىز قول سالىمىز، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، تەختتە چوقۇم سەن ئولتۇرۇشۇڭ كېرەك.
— تەختتە چوقۇم مەن ئولتۇرىمەن، ئابا! — ئىبراهيم تېگىن مۇشتۇمىنى تۈگۈپ سىلكىپ قويدى …
2
سۈبھىدەم، بىر — بىرىگە جور بولۇپ چىللاۋاتقان خورازلارنىڭ ئاۋازى ھەممە تەرەپتىن ئاڭلىناتتى. ياز سەھىرىنىڭ يېقىملىق شامىلى تاران — تاران تۈمەننىڭ قۇمساققۇ قىرغىقىدىكى سۆگەت، مەجنۇنتاللارنى يەلپۈندۈرۈپ، تېخى ئادەم ئايىغى باسمىغان كۆۋرۈكنىڭ ئادەملىرىنى سىيپاپ ئۆتەتتى. تاڭ يورۇقى قەشقەر دالالىرىغا يېيىلغاندا، تۈننىڭ ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپ ئەزان چىقتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆپۈق قاندەك قىزاردى. كۆكتە ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلارغا، دەريا — كۆللەرگە، يېشىل ياپراقلارغا تاڭ شەپىقى جۇلا تاشلىدى. خوراز — مېكيانلار قونداقتىن چۈشتى. شەھەر دەرۋازىلىرى كەينى — كەينىدىن ئېچىلدى. شەرق تەرەپتىكى تۈشۈك دەرۋازىسىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققانلار بەگىيۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولدى.
ئۇنى ئۇزىتىپ چىققانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەرھۇم سېيىت ئەلى ئارسلانخان چاپتۇرغان ناچۇق ئۈستىگە يېتىپ
بارغاندا، بەگىيۇسۇپ ئۆلارنى توختاتتى. — رەھمەت تۇغقانلىرىم، قېرىنداشلىرىم، رەھمەت دوستلىرىم، يۇرتداشلىرىم. رەھمەت سىلەرگە، ئەمدى مۇشۇ يەردە خوشلىشايلى، — ئۇ قېيىنئانىسى بەگتاش جالالدىننى قۇچاقلىدى، ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ بىلەنمۇ قۇچاقلاشتى. ساچىيە، خانلىق مەدرىسەلىرىنىڭ ئالىم — مۇدەررىسلىرى، تالىپلىرى بىلەن خوشلاشتى، ئاندىن باراقسان ئۈجمە دەرىخىنىڭ سايىسىدا تۇرۇشقان ئاياللارنىڭ يېنىغا كەلدى. بويىلوق، ئاق پەرىجە تارتىپ، يۈزىگە قارا چۈمپەردە تارتقان ئايالغا بېشىنى ئېگىپ دېدى: — قەدىرلىك سىڭلىم، مەن سىزگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئوقۇيمەن. زىنداندىكى چېغىمدا سىز داۋاملىق يوقلاپ، زىنداندىن نىجاتلىق تېپىشىم ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇردىڭىز. سىزگە ئاللا قۇت ۋە پەزىلەتنى ھەمىشە يار قىلسۇن. خەير، سىزنى ھۆرمەتلىك ۋە ئەزىز ھەمشىرەم سۈپىتىدە ياد ئېتىمەن. — رەھمىتىنى سىلىگە ئېيتسام بولىدۇ، بۈگۈ بىلگە، پېقىرە بىمار قېرىنداشلىرىمنى داۋالاپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ روھىي بىمار بولۇپ قالغىنىمنى بىلمەپتىكەنمەن. سىلى بۇنى بىلىپ يېتىپ، روھىي جەھەتتىن پاك، ئۈمىدۋار بولۇشقا يېتەكلىدىلە. ئۆزلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ روھىي ئوزۇق ئېلىش ئۈچۈن قوزغۇردۇغىچە ئۇزىتىپ بارماقچىمەن. ھازىرچە خەيرلەشكۈم يوق، يولۇمنى توسۇمىغايلا، — دېدى قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان دىلداربىكە. بەگىيۇسۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى: — سىز ئوردۇكەنت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئاتاساغۇن. ئەگەر قوزغۇردۇغا بارسىڭىز، ئۇ يەردىكى ئاۋام سىزنى باش ئۈستىگە كۆتۈرىدۇ. ئىنشائاللا، نۇرغۇن كېسەللەر سىزنىڭ داۋالىشىڭىز بىلەن شىپا تاپقۇسى. شۇنداق تۇرۇغلۇق سىزنى
قانداقمۇ توسۇپ قالاي. قىزىم ئايىشە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولىدۇ، دىلداربېكە.
— رەھمەت بەگىيۈسۈپ ئاغا، ماقۇل بولغانلىرى ئۈچۈن تەزىم، — دىلداربېكە يەرگىچە ئېگىلدى، — گۈزەل قۇزئوردۇغا بېرىش ئارزۇيۇمغا ئاخىر يېتىدىغان بولدۇم.
ئاقىبەت ئېغىر كۈنلەردە سىنالغان بۇ دوستتىن ئايرىلىپ قېلىشنى زادىلا خالىمايتتى، ئېرىنىڭ ماقۇل بولغىنىدىن بىر ئارزۇسىغا يەتكەندەك بولدى. بۇۋىئايىشەمۇ ئۆزىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان بۇ ئەپچى ئۇستازىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىمايتتى.
بەگىيۈسۈپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ كۆڭلىگە پۇشقان ئۇستەك بويىدا ئويغا چۆككەن مەھمۇد تېگىننىڭ يېنىغا كەلدى.
— تېگىن، شۇنچە ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ئۆزۈتۈپ چىققانلىرىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن. ئەمدى قايتسىلا، بېباھا ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ۋاقىتنى زايه قىلمىغايلا. سادىق دوستلار ئۈچۈن خوشلىشىش، ۋىدالىشىش ئۆمۈرۋايەتلىك مەۋجۇت ئەمەس. جىسمىمىز باشقا — باشقا يەردە بولسىمۇ، قەلبلىرىمىز بىرلىشىپ كەتكەن، قانچە يىراققا كەتسەممۇ، دىلىم، تىلىم سىلى بىلەن بىللە، — دېدى ئۇ قۇچاق ئېچىپ.
مەھمۇد تېگىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى.
— بەگىيۈسۈپ ئاغا، يەڭنە بىلەن قۇدۇق كولاپ، ئاخىر تىنىپ قالغان بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئاچتىم. چارچىغاندەك قىلمايمەن. شۇڭا، سىلىنى ئۆزاتقاچ، مەرھۇم بوۋىمىز سېيىت ئەلى ئارسلانخان بۈزرۈكۋارنىڭ روھىنى يوقلاپ، ئادىرا ئاپام بىلەن كۆرۈشۈپ كەلمەكچىدىم. بۇ جەرياندا سىلىگە كۆپرەك ھەمراھ بولالايمەن، ئاراممۇ ئالالايمەن، شۇڭا مېنى قايتىشقا قىستىمىغايلا.
— مۇبارەك، مۇبارەك، كىتاب يېزىلىپ بوپتۇ — دە، تېگىن. كاتتا بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقلىرىدىن ئەجدادلار روھى خوش بولىدۇ، ئەۋلادلار ئىپتىخارلىنىدۇ، ئەرەب، پارس
دانىشمەنلىرى بۇ كىتابنى كۆرسە، خاقانىيە تىلىنىڭ ئۆز تىللىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىغا قايىل بولىدۇ، بەگىيۈسۈپ شاھزادەنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، ئارام ئېلىۋېلىشلىرى زۆرۈر ئىكەن، ماقۇل، يوللىرىنى توسۇۋالمايمەن. رەھمەت بەگىيۈسۈپ ئاغا، بۇ كىتابتىن سىلىگىمۇ بىر نۇسخا كۆچۈرتۈپ جىلىتقا سېلىپ قويدۇم، بۇ مېنىڭ يوللۇقۇم بولۇپ قالار. رەھمەت، بۈگۈ بىلگە ئىنىم. بۇ كىتابنى يېزىپ بولغاندا بىر كۆرۈشكە مۇشتاق بولغانىدىم، بىر بىبھا خەزىنەگە ئېرىشىدىكەنمەن. ئونىڭدىكى دۇر، گۆھەرلەر بىلەن يازماقچى بولغان كىتابىمنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن ئالەمچە خوشالمەن. بەگىيۈسۈپ ئۆزۈتۈپ چىققانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم خوشلاشتى. ئاقيوللۇق بولسىلا، ئۇستاز. سەپەرلىرى بېخەتەر بولغاي. ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي … ئۇزاتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ بىر بىرلەپ قايتىشتى. بەگىيۈسۈپ ئائىلىسى، دىلداربەكە، مەھمۇد تېكىن ۋە ئونىڭ مۇلازىملىرى، بەگتاش جالالىددىننىڭ ئىككى ئوغلى، ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ ئىككى نەۋرىسى، ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى، تالىپلار ۋە ئىخلاسمەنلىرى بىلەن بىللە ئاتلىنىپ يولغا چۈشتى. ئىككى كۈن يول يۈرۈپ يېڭى ھىساردىكى ئوردامغا يېتىپ كېلىشتى. تەت ئېتراپى تاغدەك قۇم بارخانلىرى بىلەن ئورالغان ئوردامنىڭ كۆڭۈرلۈك ئېگىز تاملرى، كاشىشتىن ياسالغان گۈمبەز پەشتاقلىرى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. تەرەپ تەرەپتىن ئىستىقامەت ئۈچۈن ئوردامغا كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بەگىيۈسۈپلەرنىڭ
كەينىدىنلا كەلگەن بىر توپ كىشىلەرمۇ ئوردامنىڭ ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتى.
بەگىيۈسۈپ، مەھمۇد تېگىنلەر ئوردام قورۇسىنىڭ چېتىدىكى ئىستىنجاخاندا تاھارەت ئېلىشتى، تونلىرىنى كىيىپ، سەللىلىرىنى قايتىدىن يۆگەپ، قورۇ سەھناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇغ - شەددەلەر قادىلىپ كەتكەن كاتتا گۈمبەز يېنىغا كېلىشتى. كاشىشتىن قىلىنغان بۇ چوڭ گۈمبەز ئىچىدە ھەزرىتى سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ كېپەك شەكىلدە كۆركەم ياسالغان قەبرىسى بار ئىدى. ئۇلار مەقبەرە ئالدىدا تىلاۋەت قىلىپ دۇئا قىلدى. بەگىيۈسۈپ ئۆزىگە قاراپ قالغان ئاقساقال شەيخنى بىردىن تونۇپ قالدى ۋە سالام بېرىپ سورىدى:
— قىيات ئاغا، مېنى تونۇدىڭىزمۇ؟
— بەگىيۈسۈپ سىلى، رەيھاندىنبەگنىڭ ئوغلى … بۇ يەرگە نەچچە قېتىم كەلگەن تۇرۇسلا نېمىشقا تونۇماي، غوجام … — قىيات شەيخ مەھمۇد تېگىن بىلەنمۇ قول بېرىپ كۆرۈشتى.
— قىيات ئاغا، — دېدى بەگىيۈسۈپ، — مەن ئۆتكەندە كەلگەندە ئالتۇن تاشقا ئوت قالايتتىلە، كىيىملىرىمۇ باشقىچە ئىدى …
— راست، ئۇ چاغدا ئالتۇن تاشقا ئوت قالايتتىم. بۇ يەرگە كەلگەن چېغىمىدلا مۇشۇ ئىشقا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغانىدى. كېيىن مەلىكە بۈزرۈكۋارىمىز: «سەن بۇ ۋاقىتقىچە نۇرغۇن ئادەمگە ئالتۇن تاشتا ئاش پىشۇرۇپ بەردىڭ، گۇناھىڭمۇ يۇيۇلدى. ياشىنىپ قالدىڭ، ئەمدى شەيخ بولۇپ ھەزرىتى بوۋامنىڭ مەقبەرىسىگە قارىغىن» دەپ ئاچقۇچنى بەردى. ئۆتكەن يىلدىن بېرى قاراۋاتىمەن …
— مەلىكە ئانىمىز ئوبدان تۇرغاندۇ؟ — مەھمۇد تېگىن سورىدى ئونىڭغا ياندىشىپ كېتىۋېتىپ.
— ئوبدان تۇردى، يېشى سەكسەندىن ئاشقان بولسىمۇ، مەندىن تېمەن. كەلگەنلەردىن مەلىكە بۈزرۈكۋارنى ئاقىپلاندۇراي، —
ئۇ يېنىك دەسسەپ ھەرەم ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتى.
بەگىيۈسۈپ، مەھمۇد تېگىنلەر ھەمراھلىرى بىلەن ھەرەم ھويلىسىغا كىرگەندە، ئاق ھېلىھېلى رومال سېلىپ، قارا پەرەنجە ئارتىشقان ئادىرا تۈركەن خاتۇن خانىمدىن پېشايۋانغا چىقىپ تۇرغانىدى. ئۆزىدەك كىيىنگەن بىر قانچە مەستۇرە ئايال ئەتراپىدا قول باغلاپ تۇرۇشاتتى.
بەگىيۈسۈپ، مەھمۇد تېگىنلەر قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام بېرىشتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالىلىرىم، سىلەرنى شۇنچە كۆرگۈم كەلگەنىدى، — دېدى ئۇ ئاقبىرا بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشۈپ. دىلداربېكە، بۇۋىئايىشە ۋە ئۇلارنىڭ دېدەكلىرىگىمۇ مېھرىنى تۇتۇپ بەردى.
ئاياللار ئايۋاندا، ئەرلەر سارايدىكى ئۆيدە ئولتۇرۇشتى.
مەلىكە ئادىرا خانىمنىڭ بالاساغۇندىكى چاغلىرى ئېسىگە چۈشتى. ئېرى بۇغرا قاراخان تۇغۇلغان ئاۋۋال كۆزىگە كۆرۈنگەندەك بولدى، ئۇ باھادىر، قەيسەر پادشاھ ئىدى. ئاكىسى مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنىڭ بالاساغۇنغا كېلىپ بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە ئولتۇرغان چېغىدا، ئۇ بەگىيۈسۈپنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا بۆرە تېگىننىڭ سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇ شۇلارنى ئەسلەپ دېدى.
— مەن قوزئوردىدىكى چېغىمدا بەگىيۈسۈپ تېخى بالا ئىدى، ئوردىكەنتكە كەلسەم مەھمۇد تېگىنمۇ گۆدەك ئىكەن. مانا ئەمدى، چاچ — ساقاللىرىغا ئاق سانجىلىپتۇ. شۇنداق دەۋران سۈرگەن ئەھمەد تۇغانخان، يۈسۈپ قادىرخانىدەك بۇغرا قاراخانلار يەر ئاستىغا كىرىپ كەتتى. رەيھاندىنبەگ، زەمۇران ئانا، ياببۇ ئاغىچىلارمۇ تۈگەپ كېتىپتۇ. پېقىر سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ۋاپاتىدىن ناھايىتى قايغۇردۇم، بېتاپ بولۇپ قېلىپ بارالمىدىم … ئۆھ، ھاياتلا بولساق دىدار كۆرۈشىدىكەنمىز.
ھەربىرىڭلار كېلىپ مېنى بەك خۇش قىلدىڭلار، ئادىرا تۈركەن خاتۇن ئېتەككە تاراملاپ تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى، يىغلىۋالاي بالىلىرىم، يىغلىۋالاي، يىغلىۋالسەم يېنىكلەپ قالىدىكەنمەن، ئۇ خىزمەتكارلار داستىخان سېلىپ، مەزە، چاي ئەكەرگۈچە يىغلىدى.
مەلىكە ئانا، يىغلىمىسىلا، سىلىنىڭ دۇئالىرى بەرىكىتىدىن مەملىكىتىمىز ئامان، بىزمۇ سالامەت تۇردۇق، دېدى بەگىيۈسۈپ تەسەللى بېرىپ.
مەلىكە ئانا. بىز داۋاملىق كېلىپ يوقلاپ تۇرالمىغان بولساقمۇ، سېيىت ئەلى ئارسلانخان بوۋامنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي يېقىپ، ئوردامنى ئاۋات قىلىپتىلا. پۈتۈن ئەل بۇنىڭدىن خۇرسەن. سىلى يىغلىسىلا ئەلنى غەم باسىدۇ، سىلى خۇشال بولسىلا ئەلنىڭ كۆڭلى ئېچىلىدۇ. يىغلىماي دۇئا قىلسىلا، ئەل روناق تاپسۇن، مەھمۇد تېكىننىڭ كۆڭۈل ياساپ قىلغان سۆزلىرى ئادىرا تۈركەن خاتۇنغا تەسىر قىلدى.
ئۆمۈر دېگەن ئاتقان ئوق. شۇنداق تېز ئۆتۈپ كېتىدىكەن. بالىلىرىم، نېمە دېگەنبىلەن پۇتۇم گورگە ساڭگىلىدى. بۇ دۇنيادىكى ۋاقتىم ئاز قالدى، دېدى ئۇ كۆز ياشلىرىنى ئېرتىپ، بىراق ئۆتكەن ئۆمرۈمگە پۇشايمان قىلمايمەن. ئەلگە يۈز كېلەلمەيدىغان بىرەر ئىشنى قىلمىدىم، قېرىنداش، يۇرتداشلىرىمغا، يېتىم يېسىرلارغا ئازار بەرگىنىم يوق، پېقىر مۇتادىمغا يەتكەن ئانامەن. مېنىڭ ئەھمەد تۇغقانخاندىن بولغان چولپان ئىسىملىك بىر قىزىمدىن بۆلەك، كېيىن بېقىۋېلىپ چۆڭ قىلغان ئون توققۇز ئوغۇل قىزىم، قىرىق بىر نەۋرەم، ئوتتۇز ئەۋرەم بار. قىزىم چولپاننى ئۆزۈم ئوقۇتتۇم، ئەرەبچە، پارسچە تىلنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن شاھزادەگە ئەمەس، قۇمۇھرىقتىكى دېھقان يىگىتكە ياتلىق بولغانىدى. بەختكە قارشى ئېرىنىڭ ئۆمۈرى كۆتە بولۇپ قالدى. زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكىدىنمۇ، تەقدىرى
شۇنداقتىمۇ، ئوما ئورۇۋاتقان يېرىدىلا يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. تولىمۇ ئىشچان، غەيرەتلىك يىگىت ئىدى، كۆڭلى بۇزۇلغان مەلىكە ئانا، بىردەم ئۆكسۈپ يىغلاپ، سۆزىنى داۋام قىلدى، ئۈچ ئوغلى بىلەن تۇل قالغان قىزىم قۇمېرىق كەتتىدىكى چۆك كىچىك ھەممىنى قوزغاپ، بىر چوك ئېرىق چاپتۇرۇپ، سۇ يېتىشمەي قۇرغاقچىلىق كاساپىتىدىن چۆللىشىپ كېتىۋاتقان بۇ قۇم باياۋاننى يېشىل بوستانلىققا ئايلاندۇردى. قىزىمنىڭ بۇ ئەجرى ئۈچۈن، دېھقانلار قۇمېرىق كەتتىنى «چولپان ئېرىق» دەپ ئاتاپ، ئۇنى ئەزىزلەپ كېلىۋاتىدۇ. بالىلىرىمنىڭ كۆپى ھازىر شۇ قىزىمنىڭ يېنىدا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك قىلىدۇ. بالىلىرى بىلەن يىلدا نەچچە قېتىم كېلىپ يوقلاپ تۇرىدۇ … مېنىڭ پەتنە پاسات ئاڭلاپ، ناھەقچىلىك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان ئوردۇكەنتكە زادىلا بارغۇم كەلمەيدۇ. مەن بۇ يەردە بالىلىرىم، ئۆزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان ئىستىقامەتچىلەر بىلەن بۇ خىسلەتلىك ماكاننى ئاۋات قىلىۋاتىمەن، ئەمدى ئۆلسەم ئارمانىم يوق …
بېگىسۇپ بىلەن مەھمۇد تېگىن مەلىكە ئانىنىڭ سۆزلىرىگە سەما بولغاچ، ئوخشىغان تائاملاردىن خېلى يېيىشتى. چايدىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن قوي، كالا ۋە ئاتلارنى مۆتىۋەرلەرگە تاپشۇرۇپ، يۈز سەر ئالتۇن، مىڭ تىللا، يەتتە تاي ھەر خىل رەخت، تاۋارنى مەلىكە ئادىرا ئانىنىڭ ئالدىغا قويدى.
بەكمۇ جۇۋاپ كېتىپسىلەر، مېنى خىجىل قىلىپ قويدۇڭلار. بۇ چۆلدىمۇ ئاللا ھېچكىمگە موھتاج قىلماي ئەزىزلەپ، بىزگە كۆپ نېمەت ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلغان. ياخشى نىيىتىڭلارغا رەھمەت. ئالتۇن داشلىرىمىز قايناپلا تۇرسا، بۇ ئوردام كۆنسېرى ئاۋاتلىشىدۇ، بالىلىرىم.
ئۇلار ئوردامدا بىر ھەپتە تۇردى. يەتتىنچى كۈنى سەھەردە پايانسىز قۇملۇقتىكى بۇ ماكاندىن ئايرىلىپ يولغا چىقىشتى. قىيات بوۋاي قىزىق قۇمغا يېقىپ پىشۇرغان چەلپەك تىن يوللۇق
تۈتتى، مەلىكە ئانا قۇم بارخانلىرى دالدىسىدا ئاقيول تىلەپ دۇئا قىلىپ قالدى.
3
بېگىيۈسۈپلەرنىڭ ئارقىسىدىنلا، يەنە بىر توپ كىشىلەر ئوردىدىن قوزغالدى. بۇ يوشۇرۇن كىشىلەر ئۇلارغا قەشقەردىلا كۆلەڭگىدەك ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئادەملەر ئىدى. — ئىتتىك مېڭىشمىسەك! بولمىسا ئۇلارغا يېتىشەلمەي قالىمىز! — كەينىدىن كېلىۋاتقانلارغا ئېتىنى بۇراپ ۋارقىرىدى كۆلاھ — جەندە كىيگەن چوقۇر يۈزلۈك ئادەم. — بۇنىڭدىن ئىتتىك ماڭساق يېتىشىپ قالىمىز، چاۋاربەگ. ئۇلارغا كۆز يېتىم يەردە ماڭساق بولارمىكىن. مۇبادا بىزنى تونۇپ قالسا، كېرەكلىك كامار تاپالماي قالارمىزمىكىن؟ — دېدى ئۇنىڭغا ئوخشاشلا كىيىنگەن، ياشراق، قاتاراڭغۇ ئادەم. — نېمىدەپ ئال جۆيلۈيسەن بۈگۈن، كىم تونۇيتتى بىزنى؟ ئەگەر ئادىمىمىز كۆپرەك بولغان بولسا، ئۇلارنى ياپچاندىن ئۆتكەندىلا بولاق — تالاق قىلىپ، يوقىتىۋەتكەن بولاتتۇق. ئاز كېلىپ قالدۇق، ئۇلار كۆپ ئىكەن ئەمسۇ، يوغۇچى باشى بۇنى كۆزدە تۇتماپتۇ — دە. ئەمدى ئىز بېسىپ مېڭىپ ئوردۇكەنتكە يېقىنلاشقاندا، غاچچىدە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ئادىمىمىزنى كۆپەيتىمسەك بولمىغۇدەك، ئۇلارنى كۆزدىن يوقىتىپ قويمايلى. قەشقەرگە قايتىپ بارماي يوپۇرغا، مەكىت ئارقىلىق سېرىقبۇيا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ھېزى بولايلى، — چاۋاربەگ ئېتىغا قامچا ئوردى. بۈگۈشمۇ كەينىدىكىلەرنى تېزرەك مېڭىشقا دەۋەت قىلىپ ئېتىنى چاپتۇردى. بۇ يىگىرمىچە ئادەم بوزاغۇنىڭ ئادەملىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بېگىيۈسۈپلەرنىڭ پېيىگە چۈشكەندى. ئۆزىتىشقا
چىققانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قايتماي بەگىيۈسۈپلەرگە ھەمراھ بولۇشى، مەھمۇد تېگىننىڭمۇ خاس مۇلازىملىرى بىلەن ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ مېڭىشى چاۋاربەگلەرنى ئامالسىز قىلىپ قويغانىدى.
ياپچانغا كەلگەندە ئۇلار ئايرىم - ئايرىم سارايلارغا چۈشتى.
بەگىيۈسۈپلەر قەشقەردىن ئوردا ئاغزىغا بارغۇچە كەينىگە ئادەم چۈشكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى. ياپچاندىن سەھەر يولغا چىققاندا، مەھمۇد تېگىن سېزىپ قالدى.
— بەگىيۈسۈپ ئاغا، قاراپ باقسىلا، كەينىمىزگە ئادەم چۈشكەندەك قىلىدۇ، — دېدى ئۇ ئېتىنى ئاستىلىتىپ ۋە كۆز يېتىم يەردە كېلىۋاتقان بىر توپ ئاتلىقنى قولى بىلەن كۆرسەتتى.
— ھە، كۆردۈم. ئۇلارمۇ توختاپ قېلىشتىغۇ، بىر گەپ باردەك قىلىدۇ. سەگەك بولايلى. ئۇلار زادى كىملەردۇ؟ — دېدى بەگىيۈسۈپ قولى بىلەن ئاپتاپنى توسۇپ قاراپ.
— ئىزىمىزغا چۈشمىگەن بولسا، بىز توختىغاندا يانداپ ئۆتۈپ كېتىۋېرەتتى. لېكىن، توختاپ قېلىشتى. يەنە كۆزىتىپ باقايلى، ئاغا.
— قاراپ باقارمىز، ئىنىم. مېنىڭ سەزگۈم دائىم نۇرغۇن يىللاردىن بېرى جەمەتىمىزگە ئۆچمەنلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بىرىسىنىڭ سويقەست بىلەن شۇغۇللانماقچى بولۇۋاتقىنىدىن دېرەك بېرىپلا كەلگەندەك قىلىدۇ. ئەمما، ياخشى نىيەتلىك بەندىسىنى خۇدا ئۆزى ساقلايدۇ. سىلى ئوردو كەنتكە قايتسىلا، شاھزادەم. بوۋا، مومىلىرى ئەنسىرەپ قالمىسۇن، ۋاقىتلىرىمۇ زاھى بولۇپ كەتمىسۇن. مەن ۋە ھەمراھلىرىم يوپۇرغا، مەكىت ئارقىلىق ئۈچ①قا ئۆتۈپ، بەدەخشانغا بېرىۋالساقلا بولدى. ئاندىن قوزغۇردۇغمۇ يېتىۋالىمىز، — دېدى بەگىيۈسۈپ.
① ئۈچ — ئۈچتۇرپان.
ئاۋازى بوش چىققان بىلەن تەلەپپۇزى قەتئىي ئىدى. بۇنى چۈشەنگەن مەھمۇد تېگىن: — ماقۇل ئاغا، مەن ئوردۇكەنتكە بىر قىسىم خىزمەتكارلىرىم بىلەن قايتاي، خاس مۇلازىملىرىم سىلىنى بەدەھشارت داۋىنىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن يانسۇن. بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلغايلا. يولدا قاراقچىلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، پەخەس بولغايلا. قوزغوردۇغا سالامەت يېتىپ بارغانلىرى ھەققىدە مەكتۇپ ئەۋەتكەيلا. خەير — خوش، ئاغا، ئاقيوللۇق بولغايلا، — مەھمۇد تېگىن مۇلازىم كۆتۈرۈپ تۇرغان بوغچىنى ئېچىپ ئاچتى. ئۆزى يازغان «كىتابۇل جەۋاھىرۇن نەھۋى لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابنى جىلىت بىلەن ئىككى قوللاپ بەگىيۈسۈپكە ئۇزاتتى، — بۇ مېنىڭ يۈرەك قېنىم بىلەن پۈتكەن يوللۇقۇم، سىلىگە يادىكار بولۇپ قالسۇن، ئاغا. بەگىيۈسۈپ ئىككى قوللاپ ئالدى. — بۇ يىقىسز ئۈچۈن ھەرقانداق بايلىق ۋە ئەھمىيەتتىن قىممەتلىك. رەھمەت بۈگۈ بەگكە ئىنىم، رەھمەت، — دېدى ئۇ مەھمۇد تېگىننى قۇچاقلاپ، — خەير — خوش ئىنىم، ئۆتۈنۈشلىرىنى قوبۇل قىلىمەن. — مەن خىزمەتكارلىرىم بىلەن بۇ يەردە قېلىپ، ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ تۇراي. سىلى ئاتلىنىپ يولغا چىققايلا. ئامەت — نۇسرەت ھەر مەنزىلدە ئۆزلىرىگە يار بولسۇن، خەير — خوش. — خەير — خوش! … ئايرىلىشقا قىيمىغان بۇ ئىككى ئالىم بىر — بىرىگە قايتا — قايتا خوش ئېيتىشتى. بەگىيۈسۈپ ئاتقا مىندى. ئاياللار، بالىلار ھارۋىغا ئولتۇردى. ئۇ شاگىرتلىرى، ئىخلاسمەنلىرى ھەم مەھمۇد تېگىننىڭ قىرىق نەپەر خاس مۇلازىمى بىلەن يۈرۈپ كەتتى. مەھمۇد تېگىن بەگىيۈسۈپلەرنىڭ قارىسى يىتكىچە ئۆزى بىلەن قالغان ئادەملىرى بىلەن بىللە يولدا يېپىلىپ تۇرۇپ،
چاقاربەگنىڭ ئىچىنى تازا تەت - تەت قىلىۋەتتى. ئۇلار يا ئالدىغا ماڭالماي، يا كەينىگە يانالماي بۇ چۆلدە ئىككى سائەتتەك تۇرۇپ قېلىشتى. قورساقلىرىمۇ ئاچتى. بىرنەرسە يېۋېلىش ئۈچۈن چاقاربەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يول چېتىگە چىقىشىپ ئولتۇرۇشتى، بۈگۈش: — ئۇلار ماڭدى، — دەپ توۋلاپ ھەممىلەيلەرنى ئورنىدىن قوزغىۋەتتى. چاقاربەگ قوللىرى بىلەن كۈن نۇرىنى توسۇپ سەپشىلىپ قارىغاندىن كېيىن. — راست، ئۇلار مېڭىپتۇ، دەرھال يولغا چىقايلى، — دەپ قىزىل بويۇن جەدىگە مىندى — دە، قامچا ئۆردى. ئۇلار يوپۇرغىغا كېتىدىغان ئاچالدىنمۇ ئۆتتى. ئالدىدىكىلەر توختىماي ئۇدۇل كېتىۋەردى. «ئۇلار ئارتۇچ بىلەن ماڭىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ما، كاشىنىنى قارىمامدىغان، ئوردۇكەنتكە كىرەرمۇ، يانداپ كېتىۋېرەرمۇ؟ بۇمۇ ياخشى بولغىنى، مەيلى كىرسۇن، يانداپ ئۆتسۇن، مەن بوزاغۇ بېگىمگە دەپ، ئادەملىرىمنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىۋالمىسام بولمايدۇ. ئۇلار ئەمدى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ …» دەپ ئويلىغان چاقاربەگ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ئارقىدىن كەلگەن بۈگۈشكە يانداشتى. — ئۇكا، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قالماي كېتىۋېرىڭلار. مەن ئوردۇكەنتكە بارغاندا، يۇغرۇش بېشى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئادەم ئېلىپ، سىلەر ئارتۇچقا بارغۇچە يېتىشىۋالىمەن. بەلكىم ئۇلار ئوردۇكەنتكە كىرمىگەن تەقدىردىمۇ، گۆزەردە تاماق يەپ قالار، تاماق يېمەيمۇ كېتىۋەرمەس. ئەمما، بۈگۈش ھەرگىز بىخەستەلىك قىلما. ئۇلارنى كۆزدىن يوقىتىپ قويمىساڭ، يۇغرۇش بېشى كاللىمىزنى ئالىدۇ، — دېدى تاپىلاپ. — خاتىرجەم بولسىلا چاقاربەگ ئاكا، ئۇلار نەزىرىمىزدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، — بۈگۈش مەيدە قېقىپ
چاۋاربەگكە ۋەدە بەردى.
مەھمۇد تېگىنلەر ئۆتەڭلەردىمۇ توختىمىدى. گۇگۇم چۈشتى. ياز قۇياشىنىڭ ئوتلۇق نۇرى ئۆچكەن بولسىمۇ تىنچىق ئىسسىق داۋام قىلىۋاتاتتى. ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ئوردۇكەنتكە يېتىپ كەلدى. توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان گۈزەردىمۇ بىر نەرسە يەۋاليلى دېمەي، ئۇدۇل شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن چاۋاربەگ «بەگىيۈسۈپلەر ئوردۇكەنتتە توختاپ ئۆتسە كېرەك، بۇمۇ ئوبدان بولدى» دېگەن ئويغا كېلىپ ئادەملىرى بىلەن شەھەرگە ئاياغ باستى. كوچا - كويلاردا ئادەم شالاڭلىشىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئوردىغا بارىدىغان كوچىغا قايرىلغىنىنى كۆرۈپ، شۇ يول بىلەن ماڭدى. خانلىق مەدرىسە، ساچىيە مەدرىسەسى ئالدىدا بىر مۇنچە تالىپلار چۈشۈپ قېلىشتى. مەھمۇد تېگىن ئوردا ئالدىدا ئاتتىن چۈشۈپ، يۈگۈرۈپ كەلگەن ياساۋۇلغا تىزگىننى بەردى. باشقا خىزمەتكارلارمۇ ئاتلىرىدىن چۈشۈشتى. ئوردا ئالدىغا يېقىنلاپ كەلگەن چاۋاربەگ شام چىراغلارنىڭ يورۇقىدا ئۇلارنى ئوچۇق كۆرۈپ ئېتىنى توختاتتى. «ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەگىيۈسۈپ يوققۇ، بۇ ئۆزاتقىلى چىققان مەھمۇد تېگىن، ھەم ئۇنىڭ ئادەملىرى بولمىسۇن يەنە. راست شۇلار ئىكەن. بىز ئالدىنىپتۇق» دەپ قورۇق باسقان پېشانىسىگە بىرنى ئۇردى. ئۇ ئادەملىرى بىلەن بىلىمگەنگە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەچى بولۇۋىدى، ئەتەي ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان مەھمۇد تېگىن:
— توختاڭلار! — دېدى ۋە ئۇلار توختىغاندىن كېيىن سورىدى، — سىلەر نەدىن كېلىۋاتقان دەرۋىشلەر؟
— بىز … بىز ئۇلۇغ رامىزان شەھرىنى ئوردۇكەنتتە ئۆتكۈزگىلى ياركەنتتىن كەلگەن دەرۋىشلەرمىز، — دەپ كېكەچلەپ جاۋاب بەردى چاۋاربەگ.
— رامىزانغا يەنە ئۈچ ھەپتە بارغۇ، نېمانداق بۇرۇن كەلدىڭلار؟ ياركەنتلىكتەكمۇ قىلمايسىلەر. ئوردۇكەنت ياخشى
نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ماكانى، يامان نىيەتلىكلەرنى سىغدۇرالمايدۇ. نىيىتىڭلارنى توغرىلاپ، ماجىرا تۇغدۇرماي كۈن كەچۈرۈڭلار، بولامدۇ؟ دېدى مەھمۇد تېگىن مەنلىك قىلىپ.
بولىدۇ، شاھزادە، بولىدۇ، ئاتتىن چۈشكەن چاۋاربەگ تىزلىنىپ يەرگە باش قويدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرگەندە مەھمۇد تېگىن خىزمەتكارلىرى بىلەن ئورداغا كىرىپ كەتكەنىدى.
ئۇسال بولغان چاۋاربەگ ئادەملىرى بىلەن «جانقورغان» كوچىسىدىكى بوزاغۇنىڭ قورۇسىغا كەلدى. خېلى ئۇزاققىچە نەچچە قېتىم ئىشىك ھالقىسىغا قول ئۇزارتىپ، قېقىشقا پېتىنالماي تۇرۇپ قالدى.
كوچا قاراڭغۇ ئىدى. «بوزاغۇ بېگىمگە نېمە دەرمەن؟ كاللامنى ئالمىسىمۇ يېتىپ ئاشقۇچە تىل دەشنەم ئېشىتىدىغان بولدۇم. بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن…» دەپ ئاخىر ھالقىنى ئۇردى. ئىشىك ئېچىلدى. چاۋاربەگ جىنچىراغنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ياساۋۇل قاباننى كۆردى.
ئۆزەر ئەزەم ئۆيدىمۇ؟ سورىدى ئۇ سالاملىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ.
بۇ كېچىدە ئۆيدە بولماي نەگە كېتەتتى، سىلەردىن خەۋەر كۈتۈپ كۆزى تېشىلدى. نېمە بولدى چاۋاربەگ، ئۆنلىرى ئۆچۈپ كېتىپسىزغۇ؟ قابان ئۇنىڭ مەيۈس چىرايىغا قارىدى.
چاۋاربەگ جاۋاب بەرمەي، شام چىراغلار يېقىلىپ كەتكەن تال باراڭلىق ئازادە ھويلىغا كىردى. قابان مېھمانخانىغا كىرىپ بوزاغۇنى باشلاپ چىقتى. يوغۇروش باشى قاراپلا ئەھۋالنى ئاڭقىرغان بولسا كېرەك، كەلگۈنچە چاۋاربەگنىڭ يۈزىگە نەچچە كاچات ئۇرۇۋەتتى.
لامزەللە كالۋا، بەگىيۈسۈپلەر «ئات ئاتخانىغا، يول سارىخانىغا» قىلىپ، ئالداپ قويۇپ غايىب بوپتۇ دە. شۇنداقمۇ دۆت؟
— مەن … مەن راستلا ئالدىنىپ، مەھمۇد تېگىنلەرنى بەگىيۈسۈپ دەپ قاپتىمەن، يوغروش بېشى. بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكەيلا، — يەرگە باش قويدى چاۋاربەگ.
بوزاغۇنىڭ بەكمۇ ئاچچىقى كەلگەنىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەن بۇ چاكىرىنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋەتكىلى تاس قالدى.
— بەگىيۈسۈپنىڭ بېشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ كۈتۈپ تۇرسام، يۈزۈڭنى يولو قىلىپ يىغلاپ كەلگىنىڭگە تۈپۈك! قوپ ئورنۇڭدىن ھارامزادە! — بوزاغۇ ئۇنىڭ بېقىنىغا بىرنەچچىنى تەپتى.
يىلاندەك تولغىنىپ كەتكەن چاۋاربەگ ئىڭىقلاپ ئورنىدىن تۇردى.
— سېنى قولدىن ئىش كېلىدۇ، دەپ مەرتىۋەڭنى ئۆستۈرگەن، بېيىيدىغان ئىشقا بۇيرۇسام ھالىڭ مۇشۇمۇ دەيۈز. ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەن بىلەن ماڭ! شەھەردىن چىقىۋالمىساق دەرۋازا تاقىلىپ كېتىدۇ. چاپسان بول ئىتنىڭ كۈچۈكى! — دېدى بوزاغۇ قولىدىكى قامچا بىلەن چاۋارنىڭ غولىغا ئۇرۇپ. ئۇ چاۋاربەگنىڭ ئادەملىرىنىمۇ ئورغىنىچە ھويلىدىن سۈرۈپ چىقتى، — ئاتقا مىنىپ ئارقامدىن مېڭىش!
چاۋاربەگ ۋە ئۇنىڭ ئاچ قورساق ئادەملىرى نەگە بېرىشنى بىلمەي چاپقانلىرىچە، تاقىلىش ئالدىدا تۇرغان يارباغ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، باغرىق كەنتىدىكى بوزاغۇنىڭ باغلىق قورۇسىغا بارغاندىلا ئاتلىرىدىن چۈشۈشتى.
تىنچىق ياز كېچىسى، شامالدىن ئەسەر، ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازىدىن باشقا توشمۇ يوق ئىدى. ئورگاقتەك ئىنچىكە ئاي، بۇلۇتلۇق ئاسماندا گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي مۆكۈنەتتى.
ئىشىك ئالدىغا بىرىنچى بولۇپ كەلگەن تامدەك بەستلىك قابان ئۆمۈتى بىلەن ئىشىكنى قاقتى. ھايال ئۆتمەي بىر قانچە ئادەم يۈگۈرۈپ چىقىشتى.
— شۇنداق قاتتىق ئورغان بارمۇ، ئىشىكنى چېقىۋەتكىلى تاس قالدىڭغۇ؟ — دېدى چىراغ كۆتۈرۈۋالغان قاباندەك تەمبەل بىر يىگىت. ئۇ بوزاغۇنى كۆرۈپ ئېھتىرام بىلەن سالام بېرىپ قول باغلاپ تۇردى.
— سەن بەكرى، ئادەملىرىڭنى ئويغات! دەرھال ئاتلىنىپ، قابان، چاۋاربەگ ئاكاڭ بىلەن ئوچقا بارىسىلەر، — دېدى بوزاغۇ تۆگىدەك ئېگىز بويىلوق، مەيدىسىنى ئاتنىڭ يالىدەك تۈك باسقان يىگىتكە چەكىچىپ.
— ئادەملىرىم تېخى ياتمىدى، بېگىم. ھازىر ماڭامدۇق؟ — سورىدى بەكرى ئالمان-تالمان سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدىن ئەجەبلىنىپ.
— دەرھال مېڭىڭلار! سەللا كېچىكسەڭلار ئۆزۈڭنى قولدىن چىقىرىپ قويىمىز، چۈشەندىڭمۇ؟ ئادەملىرىڭنى چاپسان ئاتلاندۇر! — بوزاغۇ بەكرى باغقا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن چاۋاربەگكە بۇيرۇدى، — سىلەرمۇ ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيىۋېلىڭلار. بۇ يەردە ئۇ نەرسىلەر قانچىلىك لازىم بولسا شۇنچىلىك تېپىلىدۇ. بولۇڭلار!
چاۋاربەگ بىلەن قاباننىڭ ئادەملىرى باغ ئىچىدىكى چوڭ ساراي ئۆيىدە كىيىملىرى ئۈستىدىن ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيىۋېلىشتى.
بۇلار بوزاغۇنىڭ ھەر جايدىن يىغقان ئادەملىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھەر قانداق ئەسكىلىكنى قىلىشقا تەييار ئىدى، چىرايلىرىدىن يامانلىق چىقىپ تۇراتتى.
— ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيمىسەك بولمامدۇ؟ بۇ يېلىك كىيىمىمىزمۇ ئېغىرلىق قىلىۋاتسا، — دېدى بەكرى ساۋۇتنى ئوچىسىغا تارتىشتۇرۇپ كىيىۋېتىپ.
— ئۆرۈك قېقىپ يېگىلى دۆلەتباغقا بارمايسەن، جەڭگاھتا جەڭ قىلىشقا بارىسەن. سېنىڭ بۇ چوتا كۆڭلىكىڭ سېمىز تېنىڭگە دالدا بولالماس… بول، ئادەملىرىڭ ئېتىغا
155
مىنسۇن! دېدى بوزاغۇ ئالدىراپ.
رەھمەت يوغراش بېشى، غېمىمىزنى يېگەنلىرىگە، دېدى بەكرى ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ، ئاندىن ئېغىلدىن ئاتلىرىنى ئېلىپ چىققان ئادەملىرىگە:
ئاتلىنىڭلار! دەپ ۋارقىرىدى.
ھەممىيلەن ئاتلىرىغا مىندى. بۇلار يەتمىش ئىككى ئادەم ئىدى.
قابان، بەكرى ئىككىڭلار بۇ ئادەملەرگە مەسئۇل، سىلەرگە بولسا چاۋاربەگ باشچىلىق قىلىدۇ. كىم قاچسا، ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇپ تاشلاڭلار. قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇلارنى قوغلاپ يېتىڭلار! بەدەئەت داۋاننىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتكەندە، بىرسىنىمۇ ئامان قويماي چىپىپ تاشلاڭلار! كىمكى بەگىيۇسۇپنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلسا، ئۇنىڭغا ئاشۇ باش چوققىدا ئالتۇن ئىنئام قىلىمەن. كىمكى ئۇنى قاچۇرۇپ قويسا، تېرىسىنى تەنتۈر سويۇپ سامان تىقىمەن! ئاڭلىدىڭلارمۇ؟
ئاڭلىدۇق! ۋارقىراشتى ئۇلار.
نىشانغا يەتكەندە يۈزۈڭلارغا نىقاب تارتىۋېلىڭلار. نىقاب ئېلىۋالغانمىدۇڭلار؟
ئېلىۋالدۇق!
ئۇنداق بولسا يولغا چىقىڭلار!
خوپ! … ئاتلارنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازى خېلىغىچە ئاڭلىنىپ تۇردى.
4
بەگىيۇسۇپەر پىژغىرىم ئاپتاپتا، ئون سەككىز كۈن يول يۈرۈپ ئۇچقا كەلدى. سەپەردە بىر جايدا كۆپ تۇرۇپ قالمىدى، بىرەر پېشكەللىككىمۇ ئۇچرىمىدى.
ئۇلار بوستانلىق، سايە سالقىن بولغان ئۇچتا ئۈچ كۈن
تۇردى، ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمىدى. تۆتىنچى كۈنى سەھەردە ئۇلار يەنە يولغا چىقتى.
ئاقىبراننىڭ تىنچىق ئىسسىق باشلىنىش بىلەن قەشقەردە قوزغالغان زىققە كېسىلى بۇ يەردە ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئۇنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقانىدى. دېمى سىقىلىپ تىنالماي قالغان ئانىسىنىڭ نەپىسى راۋانلىشىپ، روھىي ھالىتىنىڭ ياخشىلانغىنىنى كۆرگەن بۇۋىئايىشەنىڭ غەم - ئەندىشە بىلەن بىئارام بولغان كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى، بۇ يەنە دىلداربىكەنىڭ جان كۆيدۈرۈپ داۋالاپ، بەرگەن دورىلىرىنىڭ شىپا بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقۇسى كەلگەن بەگيۈسۈپ كېمەر شەكىلدىكى چىرايلىق خاروژغا يېقىنلاشتى.
— دىلداربىكە! — توۋلىدى ئۇ.
خاروژنىڭ ئالدىدىكى پەردە ئېچىلىپ چۆمپەردىگە يۈرۈكەنگەن باش كۆرۈندى.
— لەببەي، بەگيۈسۈپ ئاغا.
— يولدا تازا جاپا چەكتىڭلار — ھە؟
— يوقسۇ، دىيارىمىزنىڭ شۇنچە گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ، بۇرۇنراق سەپەر قىلمىغىنىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
بەگيۈسۈپ كۈلۈمسىرىدى.
— ئانداق بولسا ياخشى. ئاقىبرا قانداقراق؟
— ئوبدان، ئەنسىرىمىسەڭلار، ئۇخلاپ قالدى.
— يولدا جاپا چېكىپ قالمىسۇن دەپ، ئوردو كۆنەتتە قىلىشلىرىنى ئېستىگەنئىدىم، دىلداربىكە. ھالبۇكى، بىز بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلىرى خاسىيەتلىك بولغانىكەن. ئاقىبراغا ئوبدان قارىدىلا، ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلەتتىلا. دىلداربىكە بولمىسا قانداق قىلغان بولاتتۇق، دەپ ئويلاپ قالىمەن، ھەم خىجىل بولىمەن. رەھمەت سىلىگە، كۆپ رەھمەت …
— پېقىرە داۋالانغان ھەربىر كېسەل ساقايغاندا، ئۆزۈمنىڭ كېسىلى ساقايغاندەك خوش بولۇپ كېتىمەن. ئاقبىرا ئاغىچا خېنىمغا بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شىپا بولۇپ ئوڭلىنىپ قالدى. ئونىڭغا ھەمراھ بولغىنىمدىن شۇنچە سۆيۈندۈم، — دېدى دىلداربەكە مەمنۇنىيەت بىلەن. ئاقبىرانىڭ سولغۇن چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى:
— دىلدار ئاغىچا خېنىم، ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن دورىلىرى، ئىسسىق قوللىرى، يېقىملىق سۆزلىرى، خوش نەزەرلىرى پېقىرەنىڭ كېسىلىگە شىپا بولدى. سىلىنى ماڭا ھەمراھ قىلىپ بەرگەن تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن. سىلىگە رەھمەت …
بەگىيۈسۈپ رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى چايقاپ قويۇپ، ئاتنى ئاستىلاتتى. ئارقىدا كېلىۋاتقان ھارۋا ئونىڭغا يانداشتى. بۇ ھارۋىغا قىزى بۇۋىئايشە، قۇمبا خېنىملار دېدەكلىرى بىلەن چۈشكەنىدى.
— بوۋا — بوۋا! — توۋلىدى ھارۋىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋالغان جانىبىدا غوجام ئونىڭغا تەلپۈنۈپ.
— مانا قارا، چوپچوڭلا بولۇپ قاپسەنغۇ بالام، — بەگىيۈسۈپ نەۋرىسىگە زوقلىنىپ كۆز سالدى: بېشىغا بادام دوپپا، ئۈستىگە يوللۇق شاھى كۆڭلەك كىيىپ، پۇتلىرىغا چىرايلىق چورۇق چاپقان گۆدەك كەمەرىگە كىچىك خەنجەرنى ئېسىۋالغانىدى، قارا كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى.
— بوۋا، ھارۋىنى مەن ھەيدەۋاتىمەن، — دېدى ئۇ قامچىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان ھارۋىكەشگە قاراپ قويۇپ.
— كەلگىنە بالام، ئاتقا مىندۈرەي، — بەگىيۈسۈپ نەۋرىسىگە ئىككى قولىنى ئۇزاتتىشقا، جانىبىدا غوجام ئۆزىنى ئاتتى. بۇۋىئايشە «ۋاي !» دەپ ۋارقىرىۋەتتى. بەگىيۈسۈپ بالىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇۋالدى. جانىبىدا غوجام پۇتنى تىپىرلىتىپ ئاتنى ئۈركۈتۈۋەتتى، ئات سىلكىنىپ چېپىپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ گۆدەكنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، تىزگىننى تارتتى. ئات بارا — بارا
158
ئاستىلاپ كىشنەپ توختىدى. — بوۋا، بوۋا ئات نېمە دەيدۇ؟ — دەپ سورىدى جانىپىدا غوجام تىزگىنگە ئېسىلىپ. — بالىغا دېگىن، تىزگىننى تارتماي جىم ئولتۇرسۇن، ئاغزىم ئاغرىپ كەتتى. دەيدۇ. — نېمىشقا ئاتنىڭ ئاغزىنى تۆمۈر بىلەن باغلاپ قويىدۇ بوۋا؟ دەپ يەنە. — تۆمۈر بىلەن باغلاپ قويمىسا مىندۈرمەيدۇ، بالام. بىلدىڭمۇ؟ — چوك بولسام ئات بولمايمەن، — دېدى جانىپىدا غوجام بېشىنى چايقاپ. — ھەرگىز ئات بولما، ئادەملىك خىسلىتىڭنى يوقاتماي چوك بول. — خىسلەت دېگەن نېمە ئۇ بوۋا. — غۇرۇر، بالام. — غۇيۇي، غۇيۇي دېگەن نېمە؟ — غۇيۇي ئەمەس غۇرۇر، غۇ — رۇ — ر، دەپ باقە. — غۇرۇي. — ئۇنداق ئەمەس، غۇرۇر. — غۇ — رۇر. — ھە، ئەمدى دېيەلىدىڭ بالام. غۇرۇر دېگەن ئادەمنىڭ قەدر — قىممىتى، غۇرۇرىنى يوقاتقان ئادەم، ئات — ئېشەككە ئايلىنىپ قالىدۇ. — ھە، چۈشەندىم بوۋا. مەن غۇرۇرۇمنى يوقاتمايمەن. ھەرگىز ئات — ئېشەك بولمايمەن. — ھۆشيارە بالام، ئەقىللىك بالام. غۇرۇرىنى يوقاتمىغان ئادەم ئالدانمايدۇ، ئالدىمايدۇ. بوزەك بولمايدۇ، بوزەك قىلمايدۇ، قەدرلىنىپ ياشايدۇ. بۈگۈن بەگ، پادىشاھ بولالايدۇ. جانىپىدا غوجام ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، بوۋىسىنىڭ ئۆزۈن
ساقىلىنى سىلىدى. — مەن چۆچ بولسام سەندەك ساقال قويۇپ بۆگۈ بەلگە بولىمەن، پادىشاھ بولىمەن. — ئاللا مۇستادىڭغا يەتكۈزسۇن، بالام، — بەگىيۈسۈپ ئەمدى ئۈچ ياشقا كىرگەن نەۋرىسىنى قۇچاقلىدى. ئاستا كېتىۋاتقان ئاتنى توختاتتى. كەينىدىن كېلىۋاتقانلارمۇ يېتىشتى. — ئاتا، ئوغلۇم ساقمۇ؟ — باياتىن ئەندىشە بىلەن ھارۋىدىن باش چىقىرىپ قاراپ كېلىۋاتقان بۇۋىئايىشە ئۇلارنى كۆرۈپلا ئالدىراپ سورىدى. — ساق، قىزىم، ساق. كۆك بۆرىدەك شاش، تېمەن تۇرغىنىنى قارىسىلا، — بەگىيۈسۈپ يېنىدا غوجامنى قول ئۇزارتقان ئانىسىغا سۇنۇپ بەردى. بۇۋىئايىشە ئوغلىنى باغرىغا تېڭىپ، ھارۋىنىڭ ئالدىدىكى پەردىنى چۈشۈرۈۋەتتى. — تازا ئەنسىرەتتى — ھە، بۇ ئەزىمەت؟ — دېدى مەستلىكى كەلمىگەن قۇمبا خېنىم. — بۇ ئوغلۇم بەك شوخ، قۇمبا خېنىم ئاچا. قورۇقوردۇغا بارغاندا ئەدەپلەپ موللا موشۇك قىلىپ قويمىسام … — ئۇنداق دېمىسىلە، ئۆكام. بالىنىڭ شوخ بولغىنى ياخشى، شوخ بالا ئەقىللىك، باتۇر بولىدۇ. — بۇ دېگەنلىرىغۇ توغرا قۇمبا خېنىم ئاچا، ئەمدى مېنىڭ بۇ بالام شوخلۇقنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاتىسى بولسا بۇنچىۋالا بەگباش بولۇپ كەتمەيتتى، — ئېلبەگ ئېسىگە كەلگەن بۇۋىئايىشەنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولشتى، — ئاتىسىز مانا شۇنداق قىلىقسىز چۆك بولىدىغان بولدى، شور پېشام بالام … — نېمىشقا ئۇنداق دەيدىلا ئۆكام؟ بەگىيۈسۈپتەك پۈتۈن ئەلگە تونۇلغان بۆگۈ بەلگە بوۋىسى بار تۇرسا، قانداقمۇ شور پېشام بولسۇن. مانا مەن شور پېشام، ئۆكام. ياتلىق بولىدىغان يىگىتىم قۇربان بولۇپ مېنى ئۆمۈرۋايەت تۇل قىلىپ قويغان، ئاتام،
160
ئاكاممۇ جەڭدە قۇربان بولدى. يېشىممۇ قىرىقتىن ئاشتى. سىلى تېخى كۆچەت. مېھرى - مۇھەببەتلىرىنى ئۆلچەيدىغان، قۇت ئاتا قىلىدىغان مانا بۇ كۆك بۆرىلىرى بار. ھەرگىز كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، چېچەكلىپ، گۈللەپ ياشنايدىغان چاغلىرى تېخى ئالدىلىرىدا …
قۇمبا خېنىمنىڭ سۆزلىرى بۇۋىئايىشەنىڭ يېشىنى توختاتتى. بىردەم ئۆزىنى بېسىۋېلىپ خارۇننىڭ پەردىسىنى قايرىدى. خارۇنغا ياندىشىپ، خىيالچان كېتىۋاتقان ئاتىسىنى كۆرۈپ يۈرىكى زىڭىلداپ كەتتى.
— ئاتا!
— لەببەي، بالام.
— خارۇنغا چىقىپ بىرئاز ئولتۇرۇۋالسلا، سىلى تۈنۈگۈندىن بېرى ئات ئۈستىدە، چارچاپ قالدىلا.
بەگىيۈسۈپ ئادايغا ئېتىنى بېرىپ، توختىغان خارۇنغا چىقتى، قىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
— نېمىنى ئويلاۋاتىدۇلا، ئاتا؟ — بۇۋىئايىشە ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلاپ سورىدى.
— مانا بىز كېتىۋاتىمىز. قۇزغۇردۇغا بارغاندا ئانام ۋە ئايتولۇن ئاچامنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمدىن ھەسرەت چېكىۋاتىمەن، بالام، — بەگىيۈسۈپ ئۆزىگە ئىنتىلگەن جانىبدا غوجامنى قۇچىقىغا ئالدى.
— ھەممىمىز ئۆلگەنلەرنى ئەسلەۋېتىپتۇق، بەگىيۈسۈپ ئۇكام. ئادەم ئاجايىپ بولىدىكەن، — دېدى قۇمبا خېنىم ئېغىر تىنىپ.
— ئۆلگەنلەرنى ئەسلىگەندە تىرىكلەرنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ. قۇمبا ئاچا. مۇشۇ توپىلىدىن ھەمىشە ئاۋۋال ئۆلگەنلەرنى ئەسلەپ، ئاندىن تىرىكلەر توغرۇلۇق ئويلايمەن.
— مېنىڭ تىرىكلەرنى ئويلىغۇم كەلمەيدۇ …
— نېمىشقا، قۇمبا ئاچا؟ — بۇۋىئايىشە ئەجەبلىنىپ
سورىدى. قۇمبا خېنىم جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى بەگىيۈسۈپ ئېغىز ئاچتى. — تۇغۇلغان ئادەم قاچان، قەيەردە، قانداق ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن ئوخشىمايدىغان ئەسلىمە قالىدۇ. قۇمبا ئاچا، ئەسلىمە ھەر قانچە ئېچىنىشلىق، تەسىرلىك يۆنىلىشلىك، ئىبرەتلىك بولسۇن تىرىكلەر توغرىسىدىكى خىيالنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. تىرىكلەر ھەققىدە ئويلىغاندا، ئادەملەر ئۆزىگە چىقىش يولى تاپالايدۇ. قۇمبا خېنىم جاۋاب بەرمىدى. بۇۋىئايىشە ئاغزىنى ئۆمەللەپ — ئۆمەللەپ، ئاتىسىنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن دېمەكچى بولغان گېپىنى يۇتۇۋېتىپ جىم بولدى. بەگىيۈسۈپ قوچاقدا ئۇخلاپ قالغان نەۋرىسىنى بۇۋىئايىشەگە بېرىپ، توختىغان خارۇندىن چۈشتى. — قىزىم، بالا ئۇخلىدى. سىلەرنىڭمۇ ئۇيقۇڭلار كەلگەندەك قىلىدۇ. بەدەئەرت داۋىنىغا يېقىنلاپ كەلدۇق، ھەر ھالدا سەگەك بولۇشىمىز ئەۋزەل. قوراللىرىڭلار تېپىقلىقمۇ، يېنىڭلاردىمۇ؟ بۇ ئەتراپ قانچە تىنچ ئەمەس، — دېدى ئۇ ئېتىغا مىنىۋېلىپ. — يېنىمىزدا، ئاتا. ئۈچتا تېپىقتىن ئاجرىتىۋالغانمىز. — مەن كارۋاننى بىر كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلەي، — بەگىيۈسۈپ ئېتىنى يورغىلىتىپ يۈرۈپ كەتتى. بۇۋىئايىشە خارۇننىڭ پەردىسىنى چۈشۈرۈپ، خىيال سۈرۈپ قالغان قۇمبا خېنىمدىن سورىدى: — ئاپام سىلى توغرىلىق كۆپ سۆزلەپ بەرگەن، قۇمبا خېنىم ئاچا. سىلى شۇنداق چىرايلىق، بىلىملىك تۇرۇپ، نېمىشقا تىرىكلەر توغرىلىق ئويلىغىلىرى كەلمەيدۇ؟ قۇمبا خېنىمنىڭ ئەگمە قاشلىرى سەل كۆتۈرۈلۈپ، قوي كۆزلىرى بىر يۇمۇلۇپ ئېچىلدى. تال — تال كىرپىكلىرىدىن
سەرغىچقان تامچىلار مەڭزىدىن دومىلاپ چۈشتى.
- مەن تاغىلىرى بەگتۈرمىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم، پۈتۈن ھاياتىمنى ئۇنىڭغا بېغىشلىۋەتكەندىم. ئۇ جەڭگە كېتىپ قۇربان بولدى. يىللار ئۆتتى. لېكىن، ماڭا ئۇ ھازىرغىچە ھاياتتەكلا بىلىنىدۇ. ئاتام ھايات چېغىدا مېنى نەچچە نۆۋەت ياتلىق قىلماقچى بولدى. ماقۇللۇق بىلدۈرسەممۇ، بەگتۈرمىش كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ يالتىرىۋالدىم… ئاخىرىدا ياتلىق بولماسلىق قارارىغا كەلدىم، قولۇممۇ تىنچىپ قالدى. شۇڭا، تىرىكلەر توغرۇلۇق ئويلىغۇم كەلمەيدۇ، جەڭگە قاتناشقۇم، جەڭدە قۇربان بولغۇم كېلىدۇ…
- بىلدىم، قۇمبا خېنىم ئاچا، سىلى بەك ۋاپادار ئىكەنلا، مەنمۇ سىلىدەك بولالايىەنمۇ؟ - بۈۋىئايىشە ئۆزىنى توختىتالماي يىغلاپ كەتتى.
- ياق، ئۇكام، مەندەك بولۇشلىرىنى خالىمايمەن. بۇنداق بولۇش مەن بىلەنلا كەتسۇن… بۈۋىئايىشە ئويغا چۆمۈپ قالدى. «راست، ئاتا - ئانام ئۈچۈن، ئوغلۇم ئۈچۈن ياشىشىم كېرەك…»
- بۈۋىئايىشە خېنىم. خىيالغا چۆمۈپ كەتكەن ياش ئانا بېشىنى كۆتۈردى.
- بايا ئاتىلىرى سەگەكرەك تۇرۇشىمىزنى تاپىلىدى، ئۇكام. داۋانغا يېقىنلاپ قاپتۇق. ئالامەتسىز قاراقچىلار ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ئالدىراپ قالمايلى دەيمەن، ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىمىزنى كىيىۋالايلى. قۇمبا خېنىم ھارۋىنىڭ ئارقىسىدىكى ساۋۇت - دۇبۇلغىنى ئېلىپ كىيىۋالدى. بۈۋىئايىشەمۇ ئوغلىنى كۆرپىگە ياتقۇزۇپ قويۇپ، ساۋۇت - دۇبۇلغىنى كىيدى. دېدەكلەرمۇ كېيىپ ياراقلىرىنى يېنىغا قويدى. سىپاھ - نازاكەتلىك بۇ ئىككى خېنىم بىردەمدىلا سالاپەتلىك سىپاھ بولۇپ قالدى.
5
ھارۇنلارنىڭ بۆشۈكتەك تەۋرىنىپ مېڭىشىدىن مۆگدەك بېسىپ قالغان ئاقبىرا خېنىم چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەنىدى. چۈشىدە: بىر قانچە قارا يىلان كۆشۈلداپ كەلگىنىچە بېلىگە، بوينىغا چىرمىشىۋالغان ئىمىش، بەگىيۈسۈپ بىلەن دىلدار ئاغىچا پەيدا بولۇپ، يىلانلارنى پارە - پارە قىلىۋاتقانىمىش. ئۆزىمۇ يىلانلارنى قىلىچ بىلەن چېپىۋېرىپ قانغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك. يەرگە چۈشۈپ كەتكەن قىلىچقا قولىنى سۇنۇپ: «بەگىيۈسۈپ - بەگىيۈسۈپ !» دەپ توۋلاپ كېتىپتۇدەك … ئۇ ئويغىنىپ كېتىپ، بىر ئەنسىزلىك بىلەن ھارۇننىڭ پەردىسىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، ئالدىراق كېتىۋاتقان بەگىيۈسۈپنى كۆرۈپ ئۇھ دېدى:
— دىلدار ئاغىچا خېنىم، مەن چۈش كۆردۈم، بەك قورقۇنچلۇق … بەگىيۈسۈپمۇ توختىدى. بىزگە گېپى بار ئوخشايدۇ …
دىلدار ئاغىچا خېنىم بەگىيۈسۈپنىڭ ھارۇنغا يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرۈپ، چۈمبىلىنى يۈزىگە چۈشۈرۈۋالدى.
— ئانىسى قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇلا؟ — ھارۇنغا يانداشقان بەگىيۈسۈپ يۈزىنى ھارۇنغا قىلىپ سورىدى.
— ئوبدان، ئاتىسى. ھېلى سىلىنى چۈشەپ قاپتىمەن …
— قانداق چۈشەپلا ئانىسى؟
— بەك قورقۇنچلۇق، ئاتىسى، ھازىر ئېيتماي، بولامدۇ؟ — ئاقبىرانىڭ چۈشىنى ئۆرۈگۈسى كەلمىدى.
— مەيلى ئانىسى، بۇ چۈشنىڭ بەدىلىگە قۇل - دېدەكتىن بىرنى ئازاد قىلىۋەتسەكلا. مانا بەدەئلغارت داۋىنىغىمۇ كېلىپ قالدۇق.
— بەدەئلغارت داۋىنىغا كېلىپ قالدۇقمۇ؟ قورقۇردۇغمۇ
يېقىنلاپ قاپتۇق، — دېدى ئاتا — ئانىسىنى سېغىنىپ قالغان ئاقبىلەك. نېمىشقىدۇر كۆرگەن چۈشىدىن تېخىچە ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى. — خۇدا بۇيرۇسا بەدەلتارت داۋىنىدىن تىنچ — ئامان ئۆتۈۋالساقلا، قوزغۇردۆڭنىڭ بوسۇغىسىغا بېرىپ قالىمىز. دۆڭبۇلغا — ساۋۇت كىيىۋالغان ئېرىنىڭ بۇ سۆزىدىن بىر بېشارەتنى سەزگەن ئاقبىلەك: — ئاتىسى، داۋاندىن ئۆتكىچە بىزمۇ ساۋۇت — دۆمبۇلغىلىرىمىزنى كىيىۋالمايلىمۇ؟ — دەپ سورىدى. — بىز كىيىۋالدۇق، سىلەر كىيمىسەڭلارمۇ بولار. — بىزنى ئاجىز كۆرۈۋاتاملا بەگ يۈسۈپ؟ بىزمۇ ئۆزىمىزنى، بالىلىرىمىزنى قوغدىيالايمىز … دىلدار ئاغىچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بەگ يۈسۈپ ماقۇللىغان ھالدا كۈلۈمسىرىدى: — يوقسۇ، يوقسۇ، خانلىرىم! ھەر بىرىڭلارنى ئاجىز سانىغىنىم يوق. ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ھەم كۈچلۈك، جەڭگاھلاردا ئالىپ ئاتالغان قىز — جۇۋانلار ئاز ئەمەس. ساۋۇت — دۆمبۇلغا كىيىۋالسىڭىز، مەيلى … — بەگ يۈسۈپ بىلەن ئاقبىلەك بىر — بىرىگە تىكىلىپ قېلىشتى، شۇ دەقىقىدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى … ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان ئاداي توختاپ ئاتتىن چۈشتى. ئۇلار داۋان باغرىدىكى قىشلاققا يېتىپ كەلگەنىدى. يېشىل بوستانلىق ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ مورىلىرىدىن قويۇق ئىس چىقىۋاتاتتى. قويلارنىڭ مەرىگىنى، كالا — قوتازلارنىڭ مۆرىگىنى ئاڭلىناتتى. داۋان باغرىدىكى ساي ئېقىنىنىڭ شارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان بەگ يۈسۈپ ئادايدىن بىر قۇرۇ ئالدىدا توختاپ، ئۆي ئىگىلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇ ھارۋىكەشگە ئاشۇ قۇرۇ سەيناسىدا توختاشنى بۇيرۇپ، ئۆزى ئالدىنراق باردى.
پېتىشقا ئاز قالغان ياز قۇياشىنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى قورۇ تېمىدا ئالتىنغۇچ شولىلارنى پەيدا قىلغانىدى. چار ساقال، بويچان، تونچە ئۆزۈن كۆڭلەك، دوپپا كىيگەن سالاپەتلىك ئادەم كېلىپ، بەگىيۈسۈپ بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ دېدى:
— جانابلىرىنى كۆرمەي قاپتىمەن يۇغرۇش بېشى، مۇبارەك قەدەملىرى قىشلىقىمىزغا قۇت ئاتا قىلغاي.
— مەن ھازىر يۇغرۇش بېشى ئەمەس، تۇرسۇنبەگ ئاقساقال، ئاددىي پۇقرا مەن، ئېنىم دەۋران، بىز كونا بۇرادەرلەردىنغۇ، — بەگىيۈسۈپ ئۆزىنىڭ ھال-ئەھۋال سوراشتى.
— خۇداغا شۈكۈر. بالىچاقىلىرىم ئامان، ئۆزۈممۇ سالامەت تۇرۇپتىمەن. ئوردۇكەنتتە بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇم، يوقلىيالمىدىم، ئەپۇ قىلغايلا. ئەمما، جانابلىرى كۆڭلۈمدە ھامان يۇغرۇش بېشى… بالىچاقىلىرى بىلەن قوزۇئوردۇغا قايتىپ كېتىۋاتامدىلا؟ قېنى، قورۇغا قەدەم تەشرىپ قىلغايلا، — تۇرسۇنبەگ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ ئېگىلدى.
تۇرسۇنبەگ بەگىيۈسۈپنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئۈچ قوچقار ۋە بىر موزاي سويدۇردى.
بەدەھشەت داۋاننىڭ تېپىسىدە ئاقىرىپ ئاي كۆرۈنگەندە، ھەممەيلەن ئۇيقۇغا غەرق بولۇشقانىدى. پەقەت بەگىيۈسۈپ كۆزىنى يۇمماي خىيال سۈرۈپ ياتاتتى. «ئەمدى داۋاندىن تىنچ-ئامان ئۆتۈۋالساقلا بولاتتى. ئوردادىن قايتقاندا كەينىمىزگە چۈشۈۋالغانلار كىملەر بولغىيدى؟ ئۇلار بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچىمىدۇ ياكى بىزگە ئەگىشىپ ماڭغانلارمىدۇ؟ مەھمۇد تېگىن بىزنى ماڭدۇرۇۋېتىپ قىيلاندى، ئۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلدىمىكىن؟ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بولسا، ئۆز ماكانلىرىغا كېتىدۇ. يامان نىيەتلىك، سويىقەستچىلەر بولسا ئارقىمىزدىن قوغلاپ كېلەرۇ؟ قانداق بولمىسۇن ھوشيار تۇرۇشىمىز، غەپلەتتە قالماسلىقىمىز زۆرۈر. مەھمۇد تېگىننىڭ قىرىق نەپەر مۇلازىمىنى بىزگە ھەمراھ قىلىپ قويغىنىغا
قارىغاندا، ئۇ قانداقتۇر بىرنېمىدىن ئەنسىرىگەن…»
بەگىيۈسۈپ ئاخىر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. يىراقتىن خورازنىڭ چىللىغىنى ئاڭلاندى. ئۇ ئۆيىنىڭ پەنجىرىسىدىن قاراپ، ھويلىدا ئاداينىڭ مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. تونىنى كىيىپ، قىلىچىنى ئېسىپ ئۆيدىن چىقتى.
— جانابلىرى، ئىش بارمىدى؟ — سورىدى يۈگۈرۈپ كەلگەن ئاداي.
— ئۇيقۇم كەلمىدى، ئايلىنىپ كېلەي، دەپ چىقتىم. سەن ئاخشامدىن بېرى ئۇخلىمىغانمۇسەن؟
— بىر ئۇخلاپ قوپتۇم، بېگىم. مۇلازىم يىگىتلەرمۇ، تۆتتىن — تۆتتىن نۆۋەتلىشىپ ئەتراپنى كۆزىتىۋاتىدۇ.
— ياخشى قىلىپسىلەر، كىرىپ ئۇخلاڭ. ئەتە ئەتەنگەندە داۋانغا چىقىمىز.
— خوپ، بېگىم.
بەگىيۈسۈپ ئەتراپنى كۆزىتىپ يۈرگەن مۇلازىم يىگىتلەر بىلەنمۇ پاراڭلىشىپ ھويلىغا قايتىپ كىرگەندە، ئۆيدىن چىقىۋاتقان تۇرسۇنبەك بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.
— جانابلىرى، تاشقىرىغا چىقىپ كىرگەن ئوخشىماملا؟ بۇ سەھرایی قىيامەتتە تېنچ قالدىلا — ھە؟!
— يوقسۇ ئاقساقال، ئەكسىچە بىز سىلەرنى پاراكەندە قىلىپ قويدۇق.
— ئۇنداق دېمىسلا يوغۇروش باشى، سىلى كەلسىلە قۇرۇق كەلمەيدىلا، خوتۇن — قىزلار يېڭى كىيىم — كېچەكلىك، ئوغۇللار قورال — ياراغلىق بولۇپ قالىدۇ. ھەممىمىز كەلگەنلىرىدىن ناھايىتى خۇش. بىر ھەپتە تۇرۇشالا، — دېدى تۇرسۇنبەك چىن قەلبىدىن.
— ياق، ئاقساقال، بۇ قېتىم رۇخسەت قىلسىلا، ئەتە ئەتەنگەندىلا چاينى ئىچىپلا داۋانغا چىقىپ كېتىمىز. ئارىمىزدا ئاياللار، بالىلار بار. داۋاندىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم قىلسىلا، بۇ
يەردە تۇرغاندىنمۇ ئارتۇق مىننەتدار بولاتتۇق.
بەگىيۈسۈپنىڭ ئۆتۈنۈشتىن تۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلگەن تۇرسۇنبەگ ئامالسىز ماقۇل بولدى.
— پېقىر كېلىشلىرىدىنلا، ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىرىنى بىلگەنىدىم. ياشانغان چېغىمدا ئۆزلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى كۆپرەك ئاڭلىغۇم بار ئىدى. خەيرىيەت، ئۆزۈم يول باشلاپ داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قوياي. ئۆلۈشكۈن چوك ئوغلۇم بىر كارۋاننى باشلاپ داۋانغا چىقىپ كەتكەنىدى، ئاخچام قايتىپ كېلەلمىدى، ئەتە چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ، بەلكىم يولدا ئۇچرىشىپ قالارمىز. ئۇ بالامنىڭ جاناپلىرى بىلەن بىر كۆرۈشكۈسى بار ئىدى …
— توختىسىلا ئاقساقال، ئۆلۈشكۈن ئۆتۈپ كەتكەن كارۋاندىكىلەر قانچە كىشىدەك قىلىدۇ؟
— يەتمىش - سەكسەنچە بار. تاماق يەپلا مېڭىشتى، قونغىلى ئۇنىمىدى.
— ئۇلار سودىگەرلەر مىكىن، سىپاھلار مىكىن؟
— قارىغاندا سىپاھلارغۇمۇ، سودىگەرلەرگىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەمما، ھەممىسى دېگۈدەك ياراغلىق ئىكەن.
بەگىيۈسۈپنىڭ گۇمانى كۈچەيدى.
— ئۇلار قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىشمىدىمۇ؟
— بارسغانغا بارىمىز، دېگەندەك قىلىشتى …
— ئوغلىڭىز ئەتە قايسى ۋاقىتتا داۋاندىن چۈشەر؟
— بىر بولسا ئەتەنگىدە، بىر بولسا چۈشكۈچە چۈشۈپ بولىدۇ.
— ئۇنداق بولسا ئاقساقال، ئەتە ئەتەنگەن چاينى ئىچىپلا يولغا چىقايلى. سىز دېگەندەك ئوغلىڭىز بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ئۇ بىلىشى مۇمكىن.
— بولىدۇ جاناپلىرى، ئەمدى ئۆزلىرىمۇ بىرئاز ئارام ئېلىۋالسلا.
بەك جاۋاپ كەتكەن ئاقساقال، سۈتلۈك چاي ئىچسەكلا بولىدۇ.
ئەتىسى بامداتتىن كېيىن ناشتا قىلىندى، ئاندىن تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنىڭ باشلىشى بىلەن ھەممەيلەن يولغا چىقتى.
بەدەئەرت داۋىنى بىر بىرىنىڭ ئۈستىدىكى توققۇز ئايلانما يول بىلەن مېڭىپ تۆپىگە چىققىلى بولىدىغان ھەيۋەتلىك داۋان ئىدى. بۇ يوللار ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئادەم، ئات ئۇلاغنىڭ مېڭىشىدىن ھاسىل بولغانىدى. كېيىن ساخاۋەتچى كىشىلەر داۋان يولىنى ئاز تولا تۈزەپ ياساتقانىدى. تۇرسۇنبەگ ئاقساقال بۇ يوللارنىڭ ئەڭ خەتەرلىك، تار، قىيپاش جايلىرىغا قوزۇق قېقىپ، تاش توسۇق ياساپ قويغانىدى. ھاۋا ئوچۇق بولسا، داۋان تۆپىسىدىكى تۇمان شالاق، يول راۋان بولاتتى. ھاۋا تۇتۇق بولسا، تۇمان قويۇقلىشىپ، يول مېڭىش تەسلىشەتتى، بەزى چاغلاردا ئىككى قەدەم نېرىدىكى ئادەمنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرى مانا شۇنداق ۋاقىتتا يۈز بېرەتتى.
بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ئىدى. ئات ئۈستىدە قوللىرىنى پېشانىسىگە سايىۋەن قىلىپ قارىغان تۇرسۇنبەگ ئاقساقال تۇماننىڭ ناھايىتى شالاقلىقىنى داۋان تۆپىسىدىكى بويۇنداپ تۇرغان بۆركۈتنى كۆرەلگەنلىكىدىن بىلدى.
بەگىيۈسۈپ ئاقساقال، قۇمبا مىنگەن قوتازلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۆرلىۋاتاتتى. قوتازلارنىڭ چۆلۈرىنى تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئوغلى يېتىلىۋالغانىدى. دەسلەپ قورقۇپ كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئاقسېرىق خېنىم تاشتىن تاشقا ئاۋايلاپ پۇت قويۇپ، مۆلايىملىق بىلەن داۋانغا چىقىۋاتقان قوتازغا ئۆگىنىپ قالدى، قورقۇنچىمۇ بارا بارا تۈگىدى. شۇنداقتىمۇ:
يىراققا كېتىپ قالماڭلار ئاتىسى، يېنىمدا بولسىلا ئۆزۈمنى خاتىرجەم ھېس قىلىمەن، دەپ پىچىرلىدى.
يانلىرىدىن ھەرگىز نېرى بولمايمەن ئانىسى، يانلىرىدا
169
بولسام مەنمۇ ئۆزۈمنى غەيرەتلىك ھېس قىلىدىكەنمەن، دېدى قۇتازغا يېقىنلاپ ماڭغان بەگىيۈسۈپ.
ئۇلار كۈن قىيام بولغاندا داۋان تۆپىسىگە چىقتى. جانىبىدا غوجام ئاسمانغا چىققاندەك خوش بولۇپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ ئۇنى يەرگە دەسسىتىپ قويدى، خوش بولغىنىدىن سەكرەپ تاقلاپ ئويناپ كەتتى.
داۋان ئۈستىمۇ شۇنچە كەڭ بولىدىكەن ھە؟ دەپ ھەيران قالغان بۆۆئايىشە قۇتازدىن چۈشۈپ، ئەتراپقا قىزىقىپ كۆز سېلىۋاتقان ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلدى.
ئاپا، ئەھۋالىڭ قانداقراق، دېمىڭ سىقىلمايۋاتقاندۇ؟
دىلدار ئاغىچا خېنىم بەرگەن قارا ئۆرۈك قېقىنى شومۇپ چىقتىم، دېمىم سىقىلمىدى، بېشىممۇ قايمىدى، ئەھۋالىم ئوبدان، بالام. خۇدايىمنىڭ بۇ ئاتاسىغۇن خېنىمنى ھەمراھ قىلغىنىدىن بەك خوشمەن.
ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بەگىيۈسۈپ جانىبىدا غوجامنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىچە نېرىراق بېرىپ تۇرۇۋاتقان، تۇرسۇنبەگ ئاقساقال كېلىپ:
ھاردىلا يوغۇچى باشى، دەم ئالغاچ، بېلىمىزگە قويۇچ باغلىۋالامدۇق؟ ئېغىرراق بولساق دومىلاپ كەتمەيمىز، دەپ ھەزل قىلدى.
ئۇنداق بولسا خۇرجۇنلىرىمىزغىمۇ تاش ئېلىپ يۈدۈۋالساق بولغۇدەك، ئاقساقال.
ئىككىيلەن پەسكە قارىغىنىچە كۈلۈپ كېتىشتى.
داۋاننىڭ ھەر ئىككى تەرىپى گۈلچىمەنلىك، بوستانلىق يايلاق ئىدى. ئوتلاۋاتقان ئۆچكە قويلار، كالا، قۇتازلار، تۆگىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. جەرەن، كىيىك، ئارقارلار ئادەم ھىدىنى ئېلىپ ئۈركۈپ قېچىشاتتى.
بەگىيۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قېتىق، سۈزمە بىلەن نان يېيىشتى، پىچىلغان كۆكچى، بەشەكەشپەرلەر ئۇلارنىڭ
ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى. دۇئادىن كېيىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنىڭ كەينىدىن داۋاندىن چۈشۈشكە تۇتۇندى. بەگىيۈسۈپ مىنگەن ئات بىر قانچە قېتىم تېيىلىپ كەتتى. ئاداينىڭ ئېتىمۇ مۆدۈرۈلۈپ، ئۇنى تاشلىۋەتكىلى قىل قالدى. قوتازلار تېيىلماي، مۆدۈرۈلمەي بىر خىل مېڭىپ چۈشمەكتە ئىدى. ئۇلار شام ۋاقتى بىلەن داۋاندىن چۈشۈپ بولدى. بىردەمىدىلا چېدىرلار تىكىلدى. ئايال خىزمەتكارلار تاماMechanics تۇتۇش قىلدى. ئۇلار كېچىنى بۇ خىلۋەت بوستانلىقتا ئۆتكۈزمەكچى بولدى.
داۋان تۆپىسىدىمۇ، چۈشۈۋاتقاندىمۇ ئوغلىنى ئۇچراتمىغان تۇرسۇنبەگ ئاقساقال ئەنسىرەپ قالدى. داۋاندىن چۈشۈپ، ئەتراپقا ئۇزاققىچە سەپسالدى. ئوغلى كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ئۇلتۇرالماي قالدى.
— داۋاندىن چۈشۈرۈپ قويۇپلا يانىمەن، بۈگۈن كېچە، كېچىكسەم ئەتە ئەتەنگەندە قايتىپ كېلىمەن دەپ ماڭغانىدى. كېلىدىغان ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتتى، قارىساممۇ كۆرۈنمەيدۇ، نېمە بولغاندۇ؟ — دەپ ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدى تۇرسۇنبەگ ئاقساقال. داۋاندىن سالامەت چۈشۈۋالغىنىغا خۇشال بولغان بەگىيۈسۈپنىڭ كۆڭلىنى يەنە ئەندىشە چۆلغىۋالدى.
— يۈغرۈش بېشى، مەن بىر قانچە ئادەمنى ئېلىپ ئوغلۇمنى ئىزدەپ باقاي، — دېدى ئاقساقال ئوتقاشنى ياندۇرۇپ.
— مەنمۇ بىللە باراي، — بەگىيۈسۈپمۇ ئورنىدىن تۇردى.
— جانابلىرى، سىلى كەتسە كارۋان باشسىز قالىدۇ. مەشەدە تۇرۇپ بېرىسلى، — تۇرسۇنبەگ ئۇنى قېلىشقا كۆندۈرۈپ، ئۆزى ئاتقا مىندى، ئوغۇللىرى ۋە بىر قانچە مۇلازىملارنى ئېلىپ يۈرۈپ كەتتى.
ئاياللار چېدىردا ئارام ئېلىشتى. ئەرلەرنىڭ بىر قىسمى ئەتراپتا كۆزەتتە تۇرۇشتى، قالغانلىرى بەگىيۈسۈپ بىلەن چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە سېلىنغان شىرداق، كىگىزلەردە
ئولتۇرۇشتى. كەچلىك غىزا يېيىلىش كېرەك ئىدى. خىزمەتكارلار داستىخان سالدى ۋە تۇرسۇنبەگ ئاقساقال يولدا يېيىش ئۈچۈن ياققۇزغان نان، سامسىلار، پىشۇرۇلغان سوغۇق گۆش ۋە قېتىق، سۈزمە، ئېرىمچىكلەر بىلەن قورساقلىرىنى توقلىۋالدى. بەگىيۈسۈپلا بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەي كۆزلىرىنى يولغا تىككىنىچە چاي ئىچىپ ئولتۇردى.
ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. چاي قايناتقانلارنىڭ سالغان غۇلىسى، مۇلازىملارنىڭ قوللىرىدىكى ئوتقاشلار داۋان ئېتىكىگە يورۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قانداقتۇر بىر ۋەھىمىنىڭ قارا تىللىرى سوزۇلۇپ ئەندىشىسىنى كۆچۈيەتمەكتە ئىدى. تۇرسۇنبەگلەر كەلمىگەنسېرى بەگىيۈسۈپنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ، ئاخىر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. چېدىردىكى ئاياللارنى يوقلاپ چىقتى. كۆزەت قىلىۋاتقان قاراۋۇللارنى ئالماشتۇردى. ھەر ئېھتىمالغا قارشى قورال - ياراغلىرىنى قوللىرىدا تۇتۇپ ئۇخلىماي ئولتۇرۇشقان ھەمراھلىرىنى «سەگەك بولۇڭلار» دەپ تاپىلىدى. ئۇلار تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى. ئاسماننى قارا، سۇر بۇلۇتلار قاپلاپ كەتكەنىدى. يىراقتىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىغىنى، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغىنى ئاڭلىناتتى. بەگىيۈسۈپنىڭ كۆڭلى زادىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئۇ قاراۋۇللارنى يەنە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ تۇرۇشىغا، يىراقتىن ئوتقاشنىڭ يىلىلدايدىغان يورۇقى كۆرۈندى. «كەلدى، تۇرسۇنبەگ ئاقساقال كەلدى» دەپ يورۇققا قاراپ ماڭدى. قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئوتقاش كۆتۈرگەن ئۈچ ئاتلىق چىقىپ كەلدى. بەگىيۈسۈپ سىنچىلاپ قاراپ، ئۇلار ئارىسىدا تۇرسۇنبەگنىڭ يوقلۇقىنى بىلدى.
— ئاقساقال قېنى؟
— ئاتامنى تۇتۇۋېلىشتى! — دېدى ئېگىز بويلۇق يىگىت. ئۇنىڭ قولىدىكى قىلىچى قان يۇقى ئىدى.
— سىز ئۇنىڭ ئوغلىمۇ؟ — تونۇغاندەك قىلىپ سورىدى
بەگىيۇسۇپ، — قاراقچىلارغا ئۇچراپ قاپسىلەر دە؟
— مەن ئۈچىنچى ئوغلى. بىز كېتىۋېتىپ، ئوتقاش يورۇقىدا يول چېتىدىكى تېرەككە باغلاپ قويۇلغان بىرىنى كۆرۈپ قالدۇق. بېرىپ قارىسام چوك ئاكام ئىكەن. مېيىسگە نەيزە سانجىپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېتىپتۇ. ئەبلەخلەر! ئاتام ئاكامنى قۇچاقلاپ ھوشىدىن كەتتى. ئەھۋالنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، چوك ئاكامنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ قايتماقچى بولدۇق. ئاتامنى تەستە ھوشىغا كەلتۈرۈپ تۇرساق، دەرەخ ئارىسىدىن چىققان بىر قانچە ئاتلىق بىزگە ھۇجۇم قىلدى. ئاتام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككىسىنى ئاتتىن يىقىتتى. قاتتىق ئېلىشتۇق. ئۇلار دەرەخ ئارىسىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋەردى، بىز تەڭ كېلەلمىدۇق. ئاتامنى يارىلاندۇرۇپ، باسمىداپ تۇتۇۋېلىشتى. ئاتام «دەرھال قايتىپ بەگىيۇسۇپ جانابلىرىغا ئەھۋالنى ئېيت!» دەپ ۋارقىرىدى. مەن، تۆتىنچى ئاكام ۋە بۇ مۇلازىم بىلەن دۈشمەننىڭ قورشاۋىدىن چىقىپ بۇ تەرەپكە قاراپ چاپتۇق. ئۇلار قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ. قاراقچى يا بۇلاڭچى ئىكەنلىكىنى بەلگۈدەك بولالمىدۇق.
بۇنى ئاڭلىغان بەگىيۇسۇپ ھەممىلەننى ئاتلىنىشقا بۇيرۇپ تۇرۇۋېدى، ئوتقاش كۆتۈرگەن بىر توپ ئادەم باستۇرۇپ كەلدى. قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق باشلىنىپ كەتتى. بەزىلەر ئاتتىن ئۇچۇپ چۈشتى، بەزىلەر ئېتى بىلەن بىللە يىقىلدى. ئېلىشىش شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتاتتى. بەگىيۇسۇپ ئېتىلىپ كەلگەن بىرىنى نەيزە سانجىپ يەرگە دومىلاتتى. ئاداينىڭ كەينىدىن قىلىچ ئۇرماقچى بولغان بىرىنىڭ قولىنى كېسىپ تاشلىدى. ئۇ ئۆز ئادەملىرىنىڭ بوش كەلمەيۋاتقانلىقىنى، بۇ نامەلۇم دۈشمەنلەرنى سۈر توقاي قىلىپ قوغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. مەھمۇد تېگىننىڭ مۇلازىملىرى ئاجايىپ غەيرەت جاسارەت بىلەن رەقىبلىرىگە قىلىچ ئۇرۇپ، نەيزە سانجىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا قىزى بۇغدايىشەنىڭ «ۋاي ئاتام! …» دەپ توۋلىغىنىنى
173
ئاخلاپ قالدى دە، ئېتىنى چاپتۇرۇپ چېدىر يېنىغا باردى، ئىككى ئادەم قان ئىچىدە ياتاتتى. بۇۋىئايشە بىلەن دىلداربېكە يەنە ئىككى ئادەم بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى. چېدىر ئىشىكىنىڭ ئالدىدا قانغا بويالغان قىلىچنى تۇتقىنىچە ئاقبىرا تاشقا باش قويغانىدى. كۆكسىدىن قان چىقىۋاتاتتى. كۆز قارىچۇقى تارتىلىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كەتكەنىدى، كۆزلىرى ئۇچۇق ئىدى.
ئاھ … رەپىقەم ! ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ يۈكۈندى، خوتۇننىڭ ھەسرەتلىك چىرايىغا تەلمۈرۈپ قارىدى. ئۇ زوۋان سۈرمىدى. بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى بىلىپ، ياغلىقى بىلەن يۈزىنى يېپىپ قويدى.
ئاغا! ئاگاھ بولسىلا!
بەگىيۈسۈپ كەينىگە قاراپ، نەيزە سانجىماقچى بولۇپ تۇرغان نىقابلىق ئادەمنى كۆردى دە، دەس تۇردى. ئەمما، نىقابلىق ئادەم ھەرىكەتكە تېگىشمەيلا ئوڭدىسىغا ئۆرۈلۈپ چۈشتى. دىلداربېكە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى بىلىكىدىن ئۈزۈپ تاشلىغانىدى.
يەنە بىر نىقابلىقنى چېپىپ تاشلىغان قۇمبانىڭ بېشىغا ئومۇت تېگىپ يىقىلدى، ئۇ ھوشىدىن كەتكەنىدى.
غەزەپتىن ۋۇجۇدى لەرىزىگە كەلگەن بەگىيۈسۈپ قىلىچنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، قولى ئۈزۈپ تاشلانغان نىقابلىقنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلماقچى بولدى.
يۇغرۇش بېشى جاناپلىرى، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە، مەن بىر سىرنى ئاشكارىلىماقچىمەن، دېدى ئۇ بېشىنى يەرگە قويۇپ يېلىنىپ.
بەگىيۈسۈپ قىلىچنى كۆتۈرۈپ تۇرغىنىچە بۇيرۇدى:
بېشىڭنى كۆتۈر!
ئۇ ۋاي ۋايلار بېشىنى كۆتۈردى.
نىقابىڭنى ئال!
ئۇ قاقشاپ تۇرۇپ نىقابىنى ئالدى. يالكۆز، بويچان، چىرايى قارامتۇل بۇ ئادەمنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدى - ياق، ئېسىگە ئالالماي سورىدى.
- سەن كىم؟ مېنى تونۇمسەن؟
- مەن ياساۋۇل قابان بولىمەن. قوزغۇلاندىكى ۋاقتىمدىن باشلاپ جاناپلىرىنى تونۇيمەن، ئۇ چاغدا ھاجىپ ئىدىلە.
- سېنى كىم ئەۋەتتى؟
- يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگ.
- نېمە ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
- بىلمەيمەن، جاناپلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز باشلىرىنى مۇبارەك تەنلىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن …
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى بەگىيۈسۈپ قىلىچىنى ئۇنىڭ نوگايدەك يوغاندەك بۇرنىغا تەڭلەپ، - ھە قېنى ئېيت، بۇ خۇنپەرۋەرنىڭ بېشى بولۇپ كەلدىڭمۇ؟
- ياق جاناپلىرى، ئاۋۇ ياتقان بەكرىبەگ، - قابان ساق قولى بىلەن قانغا مىلىنىپ دۇم ياتقان جەسەتنى كۆرسەتتى، كېسىلگەن قولى بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا كېرەك ۋاي - ۋايلاپ زارلىدى. غەزەپلەنگەن بەگىيۈسۈپ قىلىچىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تىرەپ سورىدى.
- ئاۋۇ ئايالنى سەن ئۆلتۈردۈڭمۇ؟ - ئۇ بېشىنى دىلداربىكە قۇچىقىغا ئېلىۋالغان ئاقبىرانى كۆرسەتتى. ئاقبىرانىڭ نەيزە سانجىلغان باغرىغا بۇۋىئايىشە بېشىنى قويۇپ يىغلاۋاتاتتى.
- ياق، مەن ئەمەس، بەكرىبەگ نەيزە تىققان ئىدى. ئۇ ئايال كىشىمۇ؟ مەن تېخى ئالىپ غەرمىكىن دەپتىمەن. بەگىيۈسۈپ قىلىچىنى يەنە باش ئۈستىگە كۆتۈردى.
- ئاشكارىلىماقچى بولغان سىرنى ئېيتە!
- ماقۇل جاناپلىرى، يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگ نەق بوزاغۇنىڭ ئۆزى.
— نېمە، قەيسەربەگ بوزاغۇنىڭ ئۆزى؟ بۇنىڭغا گۇۋاھچى بارمۇ؟ ئاغرىقتىن ۋۇجۇدى قاقشاتقان قابان بېشىنى لىڭشىتتى: — بوزاغۇنىڭ خاس مەھرىمى بولۇپ كەلگەن چاۋاربەگ گۇۋاھ. — ئۇ قېنى؟ — چاتقاللىق ئىچىدە ئاقساقالغا قاراپ قالدى. — ئەمدى چۈشەندىم، ھەممە شۇملۇقنى قىلىۋاتقان ئەبلەخ ئاشۇ بوزاغۇ ئىكەن — دە! بەگىيۈسۈپ غەزەپ ئاچچىقىدا باش ئۈستىگە كۆتۈرگەن قىلىچنى شاخلاپ كەتكەن جىغانغا ئارقا — ئارقىدىن چاپتى.
ئالتىنچى باب: ھاجىپلىق كۇرسىدا ئۆلتۈرۈش
1
ياخشى خوتۇن ئەر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك غەمگۇزار، ۋاپادار خوتۇن تۇتقان ئۆي گويا بىر جەننەت. ئۇ ئولتۇرسا - قوپسا ئېرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ غېمىنى يەيدۇ. سىلىق - مۇلايىملىقى، شېرىن - سۆخەنلىكى بىلەن ئائىلىسىنى خوشاللىققا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئېرىنىڭ سىرتتا چەككەن جاپا - ئەلىمىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ھوزۇر بېغىشلايدۇ.
ئاقىبەت ئەنە شۇنداق پەزىلەتلىك خوتۇن ئىدى. ئۇ ئەمدى يوق، قاراڭغۇ يەر ئاستىغا كىرىپ كەتتى. داۋان باغرىدىكى چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىدە چوقچايغان قوش قەبرىنى كېچە-كۈندۈز شامال سۈپۈرۈپ تۇرىدۇ…
ئۇنى بەگىيۈسۈپنىڭ بالاساغۇنغا ئېلىپ كەتكۈسى بار ئىدى، ئىسسىق ياز بولغاچقا پاك، لەھەن تېنىگە ئازاب بولمىسۇن، دەپ شۇ يەردە قويۇشقا مەجبۇر بولدى. قەشقەرگە بارغاندا، قايتقاندا پات-پات ئوقۇپ روھىغا دۇئا قىلاي دەپ ئەنە شۇ يول ئېغىزىغا قۇمبا بىلەن بىللە دەپنە قىلدى.
بەگىيۈسۈپ ھېچكىمگە يېشىنى كۆرسەتمىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئەمەس، پارە - پارە بولغان يۈرىكى يىغلايتتى. ئۇنىڭ دەريا - دەريا ياش تۆككىنىنى بىرلا خۇدا بىلەتتى. مېھرىبان ئانىسىدىن ئايرىلىپ تېخى ھازىسى ئۇشتۇلمىغان بەگىيۈسۈپكە ۋاپادار ئايالىدىن ئايرىلىش تولىمۇ ئېغىر كەلگەنىدى، پەقەت سەۋر -
چىداملىقلىقى بىلەن بۇ ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ كەتتى. ئۇ بوزاغۇ ئەۋەتكەن قانخورلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى كۆمدۈردى، ئەسىرگە چۈشكەنلىرىنى قويۇۋەتتى.
چاۋاربەگ تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنىڭ يول باشلاپ داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قويغان چوڭ ئوغلىنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن، ئىككىنچى ئوغلى ئۇنىمۇ نەيزە سانجىپ ئۆلتۈردى. بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ قىساس ئېلىشىغا يول قويدى. لېكىن، چاۋاربەگ تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنى ئۆلتۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قالغانىدى. ئۇ بوزاغۇنىڭ خاس مەھرىمى بولغانلىقىنى، قەيسەربەگنىڭ بوزاغۇ ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، قاباننىڭ دېگەنلىرىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئۇنىڭ جەسىتى شۇ يەرگە كۆمۈۋېتىلدى. بىر قولى ئۈزۈۋېتىلگەن قابانمۇ قانىراپ ئۆلدى، ئۇمۇ كۆمۈۋېتىلدى.
تۇرسۇنبەگ ئاقساقال ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.
بەگىيۈسۈپ رەپىقىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ۋىدالاشتى. چىنار دەرىخى مۇڭلۇق شىلدىرلاپ ئۇزىتىپ قالدى.
ئۇ ئون كۈن يول يۈرۈپ بالاساغۇنغا يېتىپ كەلدى ۋە بەگبۇقا مەھەللىسىدىكى باغلىق قورۇغا چۈشتى.
كۆل بويىدىكى سوپىدا بالىلىرى بىلەن قوغۇن يەپ ئولتۇرغان ئادار تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن بەگىيۈسۈپنى كۆرگەندە كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى. ئىنىسىنى كۆرگەن قىزتۇرمىش سوپىدىن چۈشتى. ھازىرلىق كۆڭلىكنىڭ ئېتىكىنى سەل كۆتۈرگىنىچە، ئالدىرىغىنىدىن كەشىنىمۇ كىيمەي يۈگۈرۈپ ئالدىغا باردى.
— ئو كام، سىلىنىمۇ كۆرىدىغان كۈن بار ئىكەن، — كۆزلىرىدىن تاراملىغان ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلدى، — ئوكام … — گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي
سەنتۈرۈلۈپ ھوشىدىن كەتتى.
— ئاچا! … — بەگىيۈسۈپ ئۇنى يۆلىۋالدى، — ئاچا، ئاچا! … ماڭا قارىسىلا … ماڭا قارىسىلا، — دېدى ئۇ قېرىنداشلىق مېھرىدىن پۈتكەن ياشلىرى كۆزلىرىدىن سەرغىپ.
يۈگۈرۈپ كەلگەن ئادار قىزتۇرمىشنى كۆتۈرۈپ بارغىنىچە سوپىدا ياتقۇزدى. قورقۇپ كەتكەن بالىلار «ئابا — ئابا!» دەپ چۇقىرىشىپ يىغلىغىلى تۇردى. ئادار:
— يىغلىماڭلار بالىلىرىم، ئاناڭلارغا ھېچنېمە بولمايدۇ، — دەپ ئۇلارنى پەسەتتى، ئاندىن كۆزىنى ئاستا ئاچقان قىزتۇرمىشقا ئەندىشىلىك نەزىرىنى تىكتى، — ئانىسى، يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويايمۇ؟
— ماقۇل، ئاتىسى، — قىزتۇرمىش بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى. ئۇ: «ئابام، ئاچام ھايات بولسا، بەگىيۈسۈپ ئۇكامنى كۆرۈپ قانچە خۇشال بولاتتى — ھە! …» دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى، — ۋاي ئابام، ۋاي ئاچام، ئۇكام كەلدى ئەمسۇ … ئەمدى ئۇ كىمنى ئابا، دەپ تېپىنىدۇ؟ كىمنى ئاچا، دەپ سۆيۈنىدۇ؟ — دەپ يىغلاپ سوپىدىن يەنە چۈشتى، بەگىيۈسۈپ بىلەن قايتا قۇچاقلاشتى.
ئادار ئېسىنى يىغىپ قالغاچقا، بەگىيۈسۈپ بىلەن كۆرۈشۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدى. ئەمدى خىجالەت بولغان ھالدا، قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەگىيۈسۈپ ئىنىم، باياتىن خودۇمنى يوقىتىپ، ئۆيگە باشلاشمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ، خاپا بولمىغايلا، — ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ تىنچلىق سوراپ قۇچاقلاشتى.
يىغا — زارنىڭ ھەسرەتلىك ساداسى ھويلىنى بىر ئالدى. ئارقا — ئارقىدىن كىرىپ كەلگەن مۇلازىملار، خىزمەتكار، غۇلاملار بىلەن كۆرۈشكەن ئادار ئۇلارنىڭ ئات — ھارۋىلىرىنى ئېغىلغا ئەكىرىۋېتىشنى بۇيرۇپ تۇرۇشىغا، دىلداربېكە، بۇۋىئايشەمۇ دېدەكلىرى بىلەن كىرىشتى. ياش تۆكۈپ ئالدىغا
كەلگەن قىزتۇرمىش بىلەن گىرە سېلىپ يىغلاپ كۆرۈشتى.
ھەممىلەن سوپا، پېشايۋاندىن جاي ئېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بەگىيۈسۈپ مۆغلۇق ئاۋازدا قىرائەت قىلدى، يىغلاۋاتقان ئاياللار دەرھال ئاۋازىنى پەسەيتىپ، كۆزلىرىگە ياغلىقىنى بېسىشتى، يىغا - زار توختىدى.
بەگىيۈسۈپ تىلاۋەتنى تۈگىتىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى:
— ئەي شەپقەتلىك ئاللا، ئۇلارنىڭ جايىنى جەننەتتە قىلغايسەن، بىزنىڭمۇ مۇراد - مەقسەتلىرىمىزنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىمانىمىز بىلەن ئۇ دۇنياغا بارغىلى نېسىپ قىلغايسەن، ئارماندا قويمىغايسەن، ئامىن! — بەگىيۈسۈپ دۇئا قىلىپ بولۇپ دېدى، — قېرىنداشلىرىم، ئاپام، ئاچام بۇ يەردە ۋاپات بوپتۇ. بالىلىرىمنىڭ ئانىسى، ۋاپادار ھەمشىرىمىز قۇمبا خېنىم يولدا قۇربان بولدى. مىڭ يىغلىغان بىلەن ئۇلار تىرىلمەيدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ جەبىر - جاپاسىدىن قۇتۇلدى. ئۆزىمىزنى چىڭ تۇتۇپ ئاخىرقى قېتىم ئۇلارغا ئەلۋىدا، دەيلى. ئادالەت، ھەققانىيەتكە جان پىدا ئەيلەپ ياشايلى، زىنھار - زىنھار سوۋىقەستچىلەرگە ئالدىنىپ قالمايلى.
ھەممىلەن بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزىنى ماقۇللىشىپ باش لىڭشىتىشتى، ھويلا، ئۆي ئىچىنى سۈكۈت باستى.
ئادار مۇلازىملارنى خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا سۇ بەلگۈزۈپ، ئۇلارنى ئىچكىرى ھويلىدىكى بەگتۆمۈرنىڭ سارىيىغا باشلىدى.
قىزتۇرمىش ئاياللارنى تاشقىرى ھويلىنىڭ مېھمانخانىسىغا باشلاپ داستىخان سالدى.
ئادار بەگىيۈسۈپتىن دۇئا ئېلىپ، بەش قوي، ئىككى كالا سويدۇردى. ئىككى قازانغا گۆش سالدۇرۇپ، كاۋاپ پىشۇرۇشقا ئادەم قويدى.
يەل - يېمىش، تاتلىق - تۈرۈملەر بىلەن تولغان داستىخان بارا - بارا شالاقلىشىشقا باشلىدى. ئۇزۇن سەپەردىن ھېرىپ - چارچاپ كەلگەن بۇ كىشىلەر چاڭقىغان، قورساقىمۇ ئاچقانىدى.
مول تائام ۋە شەربەت ئۇلارنىڭ ئاپتاپ كۆيدۈرگەن تېنىنى سەگىتتى، ماغدۇر كىرگۈزدى. بېگىيۇسۇپنىڭ ئاقىرىپ قالغان چېھرى قىزاردى.
— جانابلىرى، قېيىنئانىلىرى كەلدى، — دېدى ئىتتىك كىرگەن ئادار قۇلىقىغا پىچىرلاپ.
بېگىيۇسۇپ دەرھال قوپۇپ تاشقىرىقى ھويلىغا چىقتى. دۇنيادا ئېيتىش ئەڭ تەس بولغان خەۋەرنى ئۇلارغا قانداق يەتكۈزەر؟ ئۇنىڭ ئاچىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىۋاتقان بەگتۈرمىشقا كۆزى چۈشۈپ، ۋۇجۇدى لۆرزىگە كەلدى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم، ھاۋاخان ئاغىچا ئۇلارغا قاراپ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى. «قىزىم ئۆلۈپتۇ — دە، يىغلىشۋالسۇن، يىغا بىلەن كۆڭۈللىرى بوشاپ قالار؟» دېدى ئۇ كۆڭلىدە. بىر ھېسسىپ — ئىككى بېسىپ يېقىنلاپ كەلدى. چاچ — ساقاللىرى ئاقارغان ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم كۈيۈئوغلىغا قاراپ غۇلاچ يايدى. ئۇ قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ، بېگىيۇسۇپنىڭ چاناقلىرىدىكى لىققىدە تۇرغان ياشقا، ھەسەرەتلىك ئويچان چىرايىغا كۆز سېلىپ، قىزى توغرۇلۇق گەپ سوراشنى ماقۇل كۆرمىدى. ھاۋاخان ئاغىچىمۇ دەردمەن كۈيۈئوغلىنىڭ مۈرىسىگە باش قويۇپ ئۇزاق يىغلىدى.
— ئاتا! — دەپ ئېتىلىپ كەلگەن بەگتۈرمىشنى باغرىغا باسقاندا، بېگىيۇسۇپنىڭ كۆز بۇلاقلىرى تاشتى، — ئاپام قېنى؟ ئاپام راست ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ ئېيتسىلا ئاتا، ئەمدى مەن ئاپامنى كۆرەلمەمدىمەن … — بەگتۈرمىش ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
— ئوغلۇم، سەۋر قىلغىن، ئاپاڭ يولدا يوشۇرۇنۇۋالغان تاش يۈرەك سويقەستچىلەر بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ قۇربان بولدى. ئاللاھتىن كەلگەن بۇ ئەجەلگە مەن ئامال قىلالمىدىم. يۈرىكى باغرىم لەختە — لەختە قان بولۇپ كەتتى، بالام.
ئەقىللىك يىگىت ئانىسى توغرۇلۇق گەپ سوراپ، ئاتىسىنىڭ قايغۇ — ھەسرتىنى كۈچەيتىۋەتمەكچى ئەمەسلىكىنى سېزىپ، يىغىدىن توختىدى، قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ يېشىنى ئېرتتى.
181
ئاتا، بولدى يىغلىمىسىلا، سىلى ياش تۆكسىلە، چىداپ تۇرالمايدىكەنمەن …
بەگىيۈسۈپ ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە قېيىنئاتا قېيىنئانىسىنى مەرھۇم ئاتىسىنىڭ خانىسىغا باشلاپ كىردى. رەيھاندىنبەگنىڭ ئاپپاق سەللىسى بىلەن بەقەسەم تونى، قىلىچ قالقىنى ئاسقۇچتا ئېسىقلىق تۇراتتى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، مەرھۇملارنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى، داستىخان سالدۇرمىدى.
پەتپىچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۆي ئۆيلەر، پېشايۋان سوپىلار پەتپىچىلەر بىلەن تولدى. كۈن پېتىشقىچە پەتپىچىلەر شالاڭلىشىپ قالدى.
ئاھ خېنىم، بالىلارنىڭ دەرمانى خېنىم، ئانىلارنىڭ ئارمانى خېنىم، ئانىلارنىڭ ئۆلگۈسى خېنىم، كېلىنلەرنىڭ كۈلكىسى خېنىم، نېمىشقا يولدا قالدىلا خېنىم، يىراق يۇتقا سالدىلا خېنىم، ئاھ خېنىم … ئاھ خېنىم ! دەپ ئىشىكتىن ياش تۆكۈپ كىرگەن ئاشانبۇقا ھەممىلەرنى يىغلىتىۋەتتى. ئۇ ئۈچ خوتۇنى، ئالتە ئوغۇل، ئالتە كېلىنى بىلەن كەلگەنىدى. بودراچ موماينى ئىككى كۈندىشى يولۇتقانىدى.
بەگىيۈسۈپ بۈگۈنايىشە ئۆلارنى ئايۋان ئۆيگە باشلىدى، ئاشانبوغانىڭ چاچ ساقاللىرى ئۈچتەك ئاقىرىپ كەتكەنىدى. بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەن بۇ بوۋاي يەنىلا ناھايىتى تېتىك ئىدى. چىشلىرى چۈشۈپ كېتىپ يېڭىدىن تۆت چىش چىققانىدى. بىر يۈز بىر ياشقا كىرگەندە كۆرگەن پەرىزەنتى توققۇز ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ قىز بولۇپ ناھايىتى شوخ، ئوماق ئىدى. ئاشانبۇقاغا قارىغاندا توقسان سەككىزگە كىرگەن بودراچ موماي ئاجىزلاپ قالغانىدى. ھەر ئىككىلىسى «بالا» بولۇپ قالغانىدى، ئونىڭ بۇنىڭ خەۋىرىنى قىلىپ يىغلاشلىرى، تاتلىق تۇرۇم نەرسىلەرنى بەرسە خۇشال بولۇپ كۈلۈپ كېتىشلىرى، جىدەل قىلىشلىرى بەش ياش بالىلارغا بەك
ئوخشايتتى.
دىلداربىكە بۇ ئىككى قېرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىگە قاراپ، دۇنيادا بۇلار ئەڭ بەختلىك ئادەملەر ئىكەن، دەپ قالدى.
ئاشانبۇقنىڭ ئىككى كىچىك خوتۇنى، بالىلىرى، كېلىنلىرى كەتتى. بەگىيۈسۈپنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن ئۆزى، مومىسى قالدى. بەگىيۈسۈپ ئۇلارنى ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ قويۇپ، قېيىنئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرگەندە، يالغۇز ئولتۇرغان ئاچىسى ئايسىلىگنى كۆردى، ئىككىسى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
— ئاباملار قېنى؟ — سورىدى بەگىيۈسۈپ.
— ئاقبىرا خېنىمنىڭ خانىسىغا چىقىپ كەتتى. شۇ يەردە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.
— ئۇلار بىلەن ئەتە ئەھۋاللىشاي، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئاچىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ.
— ئابام سىلىگە بەك تارتىشتى، ئۇكام، — ئايسىلىگ گەپ باشلىدى، — نەچچە كۈنگىچە ئىشىكتىن كۆز ئۈزمىدى، ئىسىملىرىنى توۋلاپ ياتتى. «ئوغلۇم بەگىيۈسۈپ كەلدى … مېنى يۆلەڭلار … ئۇنى باغرىمغا بىر بېسىۋالاي …» دەپ، بويۇنداپ جان ئۈزۈپ كەتتى. يېنىدا ئاشان بوۋام، بودراچ مومام، ئايتولۇن ئاچام، سېگىلىم ئارچۇنلار بار ئىدى. پۈتۈن قوزغۇردۇ ئەھلى نامىزىغا داخىل بولدى. چىغايلار① غا كاتتا نەزەر بەردۇق. ئايال چىغايلارغا ئۆزى داستىخان سېلىپ، ئۆزى ئاش قويغان ئايتولۇن ئاچام نەزەر ئاخىرلىشىشقا يېقىن يۈرىكىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى. مەن، ئارچۇن، قىزتۇرمىش ئۈچىمىز خانىسىغا ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزۇشىمىزغا، پۇتلىرىنى تۈزلەپ، تورۇسقا قارىغىنىچە قېتىپ قالدى. ئۇ شۇنداق تۇيۇقسىز، شۇنداق تېز تۈگەپ كەتتى، ئۇكام.
بەگىيۈسۈپ ئېغىر تىندى، كۆز ئالدىغا ئانىسىنىڭ يېقىملىق چېھرى، ئاچىسى ئايتولۇننىڭ قايغۇلۇق ھالىتى كەلدى.
① چىغايلار — نامراتلار، كەمبەغەللەر.
— ئاچا، ئوردىكەنەتتىكى چىغىمدا، بولۇپمۇ زىنداندىن چىققان ۋاقتىمدا، ئاپام، قېرىنداشلىرىم، تۇغقانلىرىم بىلەن قاچان كۆرۈشۈمەن، دەپ ھەممىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى كۆپ يېگەندىم، جەزمەن دىدار كۆرۈشىمەن دېگەن ئىشەنچىممۇ بار ئىدى. ئاداي مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەندە، ئىشەنچىم بەربات بولدى، دۇنيا ماڭا ئۆلۈم دۇنياسى بولۇپ كۆرۈندى. يەنە قانداقتۇر بىر پاجىئە يۈز بېرىدىغاندىلا تۇيۇلۇپ، مېنى غەلىتە بىر ئەندىشە چۆلگۈۋالدى. ئاخىر زور ئۈمىد، ياخشى تىلەك بىلەن يولغا چىقتۇق. ئەمما، تۇيغۇم دېرەك بەرگەن پاجىئە ئاخىر يولدا يۈز بەردى، — بەگىيۈسۈپ يولدا بولغان قانلىق ۋەقەنى تولۇق سۆزلەپ بېرىپ دېدى، — ھاياتلىق مەشئىلىم ئۆچتى، مەن قاراڭغۇلۇقتا يالغۇز قالدىم … گەرچە قاتىللار جازالانغان بولسىمۇ، غەم — ھەسرىتىم ئېشىپ، كۆڭلۈم ئارامغا چۆشكىنى يوق، ئاچا. ھاياتلىق مەشئىلىم قايتا يانامدۇ، يوق؟ بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمايمەن. ئەمما، كۆرۈپ تۇرۇپتىمەنكى، ئاچا، شۇنچە ئېغىر دەرد — ئەلەملەرنى چېكىپ تۇرۇقلۇقمۇ سىلى ياشاۋاتىدۇلا، بالىلارنى چوڭ قىلىۋاتىدۇلا. بىر مۈشكۈللۈكتىن كېيىن، بىر ئاسانلىق بولىدۇ، ئۈمىدسىزلىنىش كىشىنى چۆشكۈنلۈككە ئېلىپ بارىدۇ. ھاياتلىق چىرىغىمنى ئۆزۈم ياندۇرۇشۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىم، ئىزدەنىشىم كېرەك ئىكەن. بۇنىڭسىز بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈشنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
— مانا، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بەگىيۈسۈپتەك، ئۇلۇغ ھاجىپ ياكى يۇغرۇش باشلىق گەپ قىلدىلا، ئۇكام. ئۆچكەن ھاياتلىق چىرىغىنى ھەرگىز باشقىلار ياندۇرۇپ بەرمەيدۇ، — دېدى ئايسىلىڭ، — قۇمبا ئاچام بىر ئۆمۈر سۈكۈت بىلەن ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق بولۇپ ئۆتتى، لېكىن ھاياتلىق چىرىغىنى قايتا ياندۇرالمىدى … سىلى خودا بۇيرۇسا ياندۇرالايلى ئۇكام.
184
بەگىيۇسۇپ ئاچىسىنىڭ سۆزلىرىدىن مىننەتدار بولۇپ دېدى:
— مەن ئاللاھتىن بايلىق، ئەمەل ئەمەس، بىلىم — ھېكمەت ئاتا قىلىشنى، ياخشىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇشنى، كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرۇشنى تىلەيمەن، ئاچا، — بەگىيۇسۇپ ئورنىدىن تۇردى، — مەن مۇلازىملارنىڭ يېنىغا چىقاي، ئۇلار ئوردۇكەنتتىن ھېرىپ — چارچاپ كەلدى.
ئۇ ھويلىدا ئادار بىلەن ئۇچراشتى، ئونىڭدىن ئوردۇكەنتتىن كەلگەنلەرنىڭ ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدى. كەينىگە يېنىپ ئۆزلىرىنىڭ خانىسىغا كەلگەندە، ئىشىككە قولىنى يېقىپ تېڭىرقاپ، قېيىنئاتا — قېيىنئانىسىنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلدى. «ئوغلۇممۇ شۇلارنىڭ يېنىدا بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئۆيدە ئاقبىرا بىلەن ئۇزاق يىل بىللە تۇرغانىدى. بۇۋىئايشەمۇ شۇ ئۆيدە تۇغۇلغانىدى … ئەمدى بۇ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تۇرىدۇ. ئاباداننىڭ پۇرىقىنى ھىدلايدۇ … ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىغا تاراھلاپ چۈشتى …
2
بەگىيۇسۇپ چولپان بىلەن تەڭ ئويغىنىپ كەتتى. قوپۇپ تاھارەت ئېلىپ كۆل بويىدىكى سۇپىدا ئولتۇردى. سەھەرنىڭ غۇز — غۇز شامىلى يۈز — بويۇنلىرىنى سىلاپ ھۇزۇرلاندۇردى.
بۇ سۇپىدا بەگبۇقا ئولتۇرۇپ قىلىچىنى بىلىگەن، بوۋىسى بەگتۆمۈر، ئاتىسى رەيھاندىن، مومىسى زەمۇران ئانا، يابىلار ئۆتكەن — كېچەتە بۇ سۇپىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ھاۋالىناتتى. بۇ چاغدا ئۇ بالا ئىدى. مۇشۇ سۇپىدا ئولتۇرۇپ «قۇرئان كەرىم» نى يادلايتتى. ئەپلاتۇن، فارابىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيتتى. بېيىت — شېئىرلارنى يازاتتى. كېيىن بۇ سۇپىدا ئاقبىرا بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇۋىئايشەنى
ئېيتىۋاتقىنىغا زوقلىنىپ نەزەر سالغانىدى … ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگەپ كەتتى. بېشىدىن نۇرغۇن كەچمىش ئۆتكەن بەگىيۈسۈپ بۇ كاتتا ئائىلىدە قىزى، ئوغلى، خىزمەتكارلىرى بىلەن ئۆزىلا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرگەن بولغىيمىدى؟ ئادەم ھەرقانچە دانا بولسىمۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.
بەگىيۈسۈپ كۆلچىكى سەل - پەل چايقىلىپ تۇرغان سوغۇق كۆز سۈيىپ ئۆتكەنلىرى بىر ئەسلىپ چىقتى. بامداتقا ئەزان ئېيتىلدى. ئۇ مەسچىتتىن كىرگەندە، ھويلا - ئاران، باغ ئىچى پاكىز سۈپۈرۈلۈپ چىندەك قىلىۋېتىلگەنىدى. «ئادار غەيرەتلىك، ئېغىر - بېسىق، سەمىمىي غوجايىن بوپتۇ. ماڭا ھەقىقىي قېرىنداش بولالايدىكەن. قىزتۇرمۇشمۇ كۆيۈمچان، ئىشچان ئانا بوپتۇ، باغ - ھويلىنى ئانام بار چاغدىكىدەك پاكىز تۇتۇپتۇ…» دەپ سۆيۈندى.
قورۇ ئىشىكى قېقىلدى.
خىزمەتكارنىڭ ئىشىكنى ئېچىپلا، يەرگە باش قويغانلىقىنى كۆرگەن بەگىيۈسۈپ، «كىم كەلگەندۇ؟» دەپ سۇپىدىن چۈشۈپ تۇرۇۋېدى، ئەبۇ ھەسەن ئېبلىكخان بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىپ كەلدى. ئالدىغا ئىتتىك كەلگەن بەگىيۈسۈپكە:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يۇغرۇش بېشى، خەۋەر قىلمايلا قورۇڭلارغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىمنى ئاڭلاپ پەتەككە كەلدىم، — دېدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شاھىنشاھ، ۋەھىمە - ئەندىشىدىن قۇتۇلغان قورۇمۇ ئەھلىنىڭ ئارامىنى بۇزماي، ئالىيلىرىنى بىسەرەمجان قىلماي دەپ ئۇچۇر بەرمىگەندىم. ئۆزلىرى غېرىب خانىمنى مۇبارەك قەدەملىرى بىلەن ئەزىز قىلىپ، پېقىرنى يەرگە قارىتىپ قويدىلا. ئوردىخانىدىن كېلىپلا، ئەزىز دەرگاھلىرىغا بېرىپ، تارتۇقۇمنى تاپشۇرمىغىنىمدىن خىجىل بولۇۋاتىمەن. مەرھابا، ئالىيلىرى، مەرھابا! — دېدى ئۇ قوللىرىنى كۆكسىگە
قويۇپ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن ئونىڭ باشلىشى بىلەن ئىچكىرى ھويلىدىكى بەگبۇقا سارىيىغا كىرىپ تۆردىن ئورۇن ئالدى. يۇرتوغلۇرمۇ ئولتۇرۇشتى.
— سىزنىڭ قوزئوردۇغا سالامەت قايتىپ كېلىشىڭىز مەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي تارتۇق. ئەمدى مەن سەمىمىي دوستقا، ھەقىقىي تايانچقا ئېرىشتىم، — دېدى ئۇ چىن قەلبىدىن سۆيۈنگەن ھالدا.
بەگىيۈسۈپ باش چايدى:
— پېقىر ئۆزۈمنى ئەلگە تارتۇق قىلىۋەتكەن ئالىيلىرى، كەچۈرگەيلا.
— بۇ ماڭا ئايان، بەگىيۈسۈپ. قانداق بولسۇن ئامان — ئېسەن كەلگىنىڭىزدىن ناھايىتى خۇرسەن مەن، — دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن چىرايلىق ئويۇق، تەكچىلەر چىقىرىلغان تام — تورۇسلارنىڭ كۆركەم جەگە، توغرۇكلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ. ئۇ ئويلانغان ھالدا سورىدى، — ئەجەب ئوردا سارايلىرىدەك كاتتا ئۆي ئىكەن بۇ، سىز ياساتقانمۇ؟
— يوقسۇ ئالىيلىرى، چوك بوۋام بەگبۇقا ياساتقانكەن.
— بولار ئاتا — بوۋىلىرىمىزنىڭ تەۋەررۈكلىرى ئوخشىمامدۇ؟ — دېدى ئۇ ئاسقۇلارغا ئېسىقلىق كىيىم — كېچەك، قورال — ياراغلارغا قىزىقىش نەزىرىنى تىكىپ.
— شۇنداق ئالىيلىرى، ئاۋۇ بۆرە تېرىسىدىن تىكىلگەن جوۋا، سالۋار تۇماق، نەيزە چوك بوۋىمىز چاغرىبەگ بەگبۇقا سانغۇننىڭ. ئاۋۇ شايه يەكتەك بىلەن بادام دوپپا، قىلىچ، ئوقيا بەگتۆمۈر بوۋامنىڭ، ئاۋۇ بەقەسەم تون، سەللە، قىلىچ، خەنجەر ئاتام رەيھاندىنبەگنىڭ تەۋەررۈكلىرى. بۇ باغلىق قورۇمۇ چوك بوۋىمىزدىن قالغانكەن، كېڭەيتىپ ياسىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالغا كەلتۈرۈلگەن.
— دېمەك، بۇ تەۋەررۈكلەرنىڭ ئالدىغا يۈز يىل بولۇپ
187
قاپتۇ دە، ياخشى ساقلىنىپتۇ، بەگىيۈسۈپ. مانا بۇ ئەجدادلارنىڭ ئۆزىنى يوقاتمىغانلىق، ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىغا، قالدۇرغان مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغانلىق، ئەۋلادلارنى ئىشەنچ ۋە غۇرۇرغا ئىگە قىلغانلىقتۇر، ئەبو ھەسەن ئېبلىكخان سۆزىدىن توختاپ، تۇتقان گىلاس شەربىتىنى ئىچتى.
ناھايىتى توغرا دېدىڭىز، ئالىيلىرى، ھەر قېتىم مۇشۇ ئۆيگە كىرسەم، تام ئويۇقلىرىغا قاراپ ئېپتىخارلىنىمەن. ئەجدادلارنىڭ تەۋەررۈكلىرىنى ساقلاش ئەۋلادلارنىڭ غۇرۇرلۇق بولۇشى، قەدىر قىممىتىنى ساقلاپ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئەجدادلارنىڭ تەۋەررۈكلىرىنى ساقلاۋاتقانلار ئاز بولمىسىمۇ، ئومۇملىشىپ كەتكىنى يوق. بۇنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئەگەر ئالىيلىرى قوشۇلسا، قوزغۇردىدا بىر ئاسارئەتىقە سارىيى ئاچساق، شەھىرىمىزدىن، ھەرقايسى جايلاردىن تەۋەررۈك يادىكارلىقلارنى يىغىپ شۇ سارايغا قويۇپ ساقلىساق، بۇنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولاتتى. ئەۋلادلارغا نەسىلنى ئۇنتۇماسلىق، ۋىجدان غۇرۇرنى يوقاتماسلىق، ئۆزىنى تونۇش توغرىسىدا ئەمەلىي ساۋاق بېرەتتى. ئوردىدىن يولغا چىقىش ئالدىدا بۈگۈ بىلگە مەھمۇد تېگىن، مەۋلانا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ قاتارلىق بوغۇغ①لار بۇ توغرۇلۇق ياخشى تىلەكلىرىنى ئالىيلىرىغا يەتكۈزۈشۈمنى تاپىلاپ سالام يوللاشتى. پېقىر بۇ ساراينى سېلىشقا ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇشقا كېتىدىغان بارلىق چىقىمنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشنى خالايىمەن، دېدى بەگىيۈسۈپ.
بەگىيۈسۈپ، تەكلىپىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. مەن يادىكارلىق سارىيىنى قۇرۇشقا ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن. ئەمما، بۇ توغرۇلۇق كېيىن سۆزلىشەيلى. ھازىر قىلىشىدىغان ئۇنىڭدىن مۇھىمراق گەپ بار، ئەبو بەگىيۈسۈپ شەربەت قويۇپ سۇنغان جامنى ئالدى، كاتتا بوغۇغلارنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىشلار
① بوغۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر دېگەن مەنىدە.
خىيالىڭىزغا كېلىدىغان قالتىس ئاجايىپ ئادەم سىز بەگىيۈسۈپ. ئوردىكەنەتكە تۇنجى قېتىم كەلگەن ئاشۇ بالا ۋاقتىڭىزدا، يەنە بىر بالىغا يېقىپ قالغاندىڭىز، ئۇ بالا مەن ئىدىم. مەندىلا ئەمەس، سىزنى چۆك - كىچىك كۆپ كىشىلەر، شاھزادىلەرمۇ ياق تۇرۇپ قالغانىدى. كېيىن بولسا پۈتۈن ئەل ياق تۇرۇپ قالدى. ئاتام بىلەن بىللە زىندانغا تاشلانغىنىڭىزنى ئاڭلاپ، دەرھال لەشكەر تارتىپ بارماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەنىدىم. دوقابەگنىڭ نۇرغۇن سىپاھ بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئەييار① لار خەۋەر كەلتۈردى. مەنمۇ ئۈچ تۈمەن لەشكەرنى سەپراس قىلىپ تۇرسام، ھۈسەيىن ئارسلانخان بىلەن دوقابەگ مۇھاپىزەتچى ياساۋۇللىرى بىلەنلا كېلىپ مەن بىلەن ئەھدنامە تۈزدى … سىزلەر زىنداندىن چىقىپ يولدا كەلگۈچە قانخور ئەبلەخلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۈتۈلمىگەن پاجىئە يۈز بېرىپتۇ. ئالدىڭىزغا مۇھاپىزەتچى سىپاھ ئەۋەتمىگىنىم ئۈچۈن كۆپ پۇشايمان قىلدىم. ئەمدى كېلىشتىكى مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسىز؟
— پېقىردىن ئەپۇ سوراش ئىكەن - دە، ئالىيلىرى؟ — دېدى بەگىيۈسۈپ.
— شۇنداق، ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ، پەتەلەپ تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈم كەلدىم. سىز ناھايىتى سەۋر - تاقەتلىك ھەم قەيسەر كىشى. بۇ ئېغىر مۇسىبەتكە بەرداشلىق بېرىسىز، دەپ ئىشىنىمەن.
— ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى، ئاللاھتىن كەلگەن بۇ قازاغا رازىمەن، ھەرگىز مالال بولمىدىم. لېكىن، بۇ قېتىمقى پاجىئەلىك سەپەردە ماڭا بىر سىر ئاشكارىلاندى، ئالىيلىرى.
— سىر دېدىڭىزمۇ؟ — سەل كۆتۈرۈلۈپ سورىدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن سەل جىددىيلىشىپ.
① ئەييار — چارلىغۇچى.
ئېلىكخان ئالىيلىرى، نۇرغۇن يىللاردىن بېرى قاراخانىيلار تەختىگە چىقماقچى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر گۇرۇھ بار ئىكەن. بۇ گۇرۇھقا بۈگۈنمۇ مەلكۈل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان ۋاقتىدا دارغا ئېسىلغان بولۇنبەگنىڭ ئوغلى بوزاغۇ باشچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يىگىرمىنى، ھەمراھلىرىمنى قەتلى قىلىش ئۈچۈن، ئارقىمىزدىن ئەۋەتكەن كالىكپەسلىرى قاتتىق قارشىلىقىمىزغا ئۇچراپ ئەسىر چۈشكەن بولسا، بۇ سىر يېشىلمىگەن بولاتتى. بۇنى بوزاغۇنىڭ خاس مەھرەملىرى قابان ۋە چاۋاربەگلەر ئۆز ئاغزى بىلەن ئىقرار قىلدى.
— بوزاغۇ سەمەرقەنت يېنىدا يوقىلىپ كەتكەن ئەمەسمىدى؟ ماڭا بۇنى ئاتام ئېيتىپ بەرگەنىدى، — دېدى ھەيران بولغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېكىن.
— ئالىيلىرى، بۆرە تېكىنگە قارشى لەشكەر تارتىپ بارغاندا، بوزاغۇنىڭ ئۆزى — دېرەكسىز غايىب بولغىنى راست، ئۇ سادىق قۇلى بولغان چاۋار، قابانلار بىلەن قېچىپ يۈرۈپ، بارسخانغا بېرىپ سىڭلىسى قۇماربىكەنىڭ يېنىدا پاناھلانغان.
— قۇماربىكە دېگىنىڭىز مۇھەممەد ئارسلانخان تاغامنىڭ كىچىك خوتۇنى ئەمەسمۇ؟
— شۇنداق، ئالىيلىرى. ئۇ ناھايىتى يامان خوتۇن ئىكەن. بوزاغۇنىڭ ئىسمىنى قەيسەربەگكە ئۆزگەرتىپ، ئاغۋاتلىقتىن جاندارلىققا، جاندارلىقتىن جاندارلاربېشى بولۇشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بوزاغۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئىشەنچىگە ئېگە بولۇۋېلىپ، ئۇنى بۇغرا قاراخان بولۇشقا قىزىقتۇرۇپ ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بېرىشكە قۇتراتقان. نەتىجىدە ئۇ مەقسىتىگە يېتىپ، سۇلايمان ئارسلانخاندىن تەختنى تارتىۋالغان، بوزاغۇ خىزمەت كۆرسەتتى، ھېسابلىنىپ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ يۇغرۇش بېشى بولۇۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى بىلىۋالغان، ئۆزىنى كۈيۆئوغۇل قىلىشنى خالىمىغان ئاتامنى ناھايىتى ئۆچ كۆرگەن. ئاتام ۋاپات بولغاندىن كېيىن،
ئادەم ئەۋەتىپ ئاچامنى ۋە كۈيئوغلىمىزنى ئۆلتۈرگەن… مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى چاۋار، قابانلار ئۆلۈش ئالدىدا ئىقرار قىلدى. قارىغاندا قۇماربېكە، بوزاغلار چوڭ بىر سۈيقەست پىلانلاۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئالىيلىرى. بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئارسلانخاننى خەۋەردار قىلىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر.
— تاغام بەرگەن ئۇچۇرىمىزغا ئىشىنەرمۇ؟ ئۇ قۇماربېكەنىڭ سۆزىنى يەر ئالماسماسمۇ؟ — ئويلىنىپ قالغان ئېلىكخان ئىختىيارسىز مۇشتۇملىرىنى تۈگدى.
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، مۇھەممەد ئارسلانخان ئىشەنسۇن، ئىشەنمىسۇن، تەپسىلىي يېزىپ بۇ خەۋپلىك ئەھۋالدىن واقفىلاندرۇايلى. ھوشىنى تاپسا تاجو-تەختىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ھوشىنى تاپمىسا گۇمران بولىدۇ. بۇنى بىز توسۇپ قالالمايمىز، — دېدى بەگىيۈسۈپ خىزمەتكارلار ئېلىپ كىرگەن پولونى ئېلىكخاننىڭ ئالدىغا قويۇپ، پولوغا بېسىلغان قىرغائۇل، جەرەن گۆشىنى توغراپ، يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.
غەزەپتە بولۇپ قالغان ئەبۇ ھەسەن تېگىپ كەتكەن پولوغا قول ئۇزارتماي ساقىلىنى سىپىدى.
— دەرھال لەشكەر تارتىپ بارسامچۇ، بەگىيۈسۈپ. ئەھۋالنىڭ بۇنداق ئېغىرلىقىنى زادى ئويلىماپتىمەن. ئەمدى يەنە سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇۋەرسەم ئاتاممۇ گۆرىدە تىنچ ياتالمايدۇ. ھېلىمۇ سوغۇق چۆككەن تاشتىن ئېغىرلىق قىلدىم، ئەمدى يول قويسام ئاسىيلاردىن بولۇپ قالىمەن.
— يەنە سەۋر قىلىسلا، ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئەھۋالنى مەلۇم قىلايلى. مۇھەممەد ئارسلانخان غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنامدۇ، يوق؟ بۇنى بىلىپ شۇنىڭغا يارىشا تەدبىر قوللانساق ئوبدان بولارمىكىن، دەيمەن. قېنى، ئاشقا مەرھەمەت قىلىسلا، شاھىم، — بەگىيۈسۈپ ئۇنى ئاشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ غەزەپتە بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
— ئەسلىدە مەن سىز بىلەن ھال-ئەھۋاللىشىپ غېمىمنى
يېنىكلىتەرمەن، دەپ ئويلىۋىدىم. ھالا غېمىم ئېشىپ، يۈكۈم ئېغىرلاشتى. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ مېنىڭ بىخۇدلۇقتىن قۇتۇلۇشۇمغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. سىزدىن سوراي، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ھەرقانداق خۇسۇسىي ئىشىڭىزدىن كېچەلەمسىز؟
تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئال بەگىيۈسۈپكە سەل غەلىتە تۇيۇلدى، غۇرۇرىغىمۇ تەگدى. بۇ ۋاقىتچە دۆلەت ئىشى ئۈچۈن ئۆز نېمىلىرىدىن كەچمىدى؟ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ قەشقەرگە باردى. بۆرە ئوۋىسىغا كىردى. بايلىقىنى سەرپ قىلدى. مېھرىبان ئانىسىدىن، ۋاپادار رەپىقىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلدى. بۇنى ئەبۇ ھەسەن تېگىن بىلمەمدىكىنە؟ مۇنداق سوئالنى سوراشتىكى مەقسەت نېمىدۇ؟ ئۇ ئويلانغان ھالدا دېدى:
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرقانداق خۇسۇسىي ئىشىمدىن كەچمەسمۇ، بىر ئىشتىن زىنھار كېچەلمەيمەن.
— ئۇ قانچىلىك مۇھىم ئىش ئىدى؟ — سورىدى ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ساقىلىنى تۇتاملاپ تۇرۇپ.
— ئۇ سودا ئىشى ئەمەس، ئاۋامنىڭ ئىشىمۇ ئەمەس، دۆلەتنىڭ ئىشى تېخىمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت مەن ئەجىر قىلىدىغان، مېنىڭ قولۇمدىنلا كېلىدىغان نازۇك ئىش.
— ياراشتۇرۇش ئىشى ئىكەن دە، — ئەبۇ ھەسەن تېگىن باش چايقاپ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
— يوقسۇ، ئېلىكخان ئالىيلىرى، بۇنداق ئىشمۇ ئەمەس. ئۇ پۈتۈن ئېلىنىڭ ھازىرقى، كەلگۈسىدىكى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان بەكمۇ مۇھىم ئىش ئىدى …
ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن چۈشىنەلمەي، تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىپ دېدى:
— ئوچۇقراق ئېيتسىلا، قانداقلا ئىش بولسۇن
مەسلىھەتلىشىپ قىلارمىز. — گەپنى ئەگىتىپ كەتكەن ئوخشايمەن، ئالىيلىرى، بۇ مۇنداق ئىش ئىدى، — ئۇ تەمكىن ھالدا ئالدىرىماي سۆزىنى داۋام قىلدى، — مەن زىنداندىكى چېغىمدا، ھالاللىق ۋە ئادالەت، بەخت ۋە ئىستىقبال، ئەقىل ۋە ئۇلۇغلۇق، سەۋر ۋە قانائەت توغرىسىدا بىر كىتاب يېزىش قارارىغا كەلگەنىدىم. ھالبۇكى، زىنداندىن چىقىشىمغا، مۇھەممەد ئارسلانخان ئوردىدا خىزمەتنى قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، سىلىققىنا رەت قىلىپ يولغا چىقتىم. سەپەر ئۈستىدە بەتنىيەتلىرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. يۈرەك يارام شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، يازماقچى بولغان كىتابىم خىيالىمدىن نېرى بولمىدى. كۆزئۆڭۈمگە كېلىشىم، ئەمەل — مەنەپ ياكى بايلىق ئۈچۈن ئەمەس، بىر مەزگىل تاشلىنىپ قالغان قەلەمنى قولغا ئېلىپ، يازماقچى بولغان كىتابنى يېزىش ئۈچۈن ئىدى … — مۇنداق دەڭ، چۈشەندىم، بەگىيۈسۈپ، — ئېلىكخاننىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم نامايان بولدى، — سىز راستلا چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلماقچى بولۇپسىز، ئاللا سىزگە مەدەتكار بولغاي، — ئۇ سەل توختاپ، بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن گېپىنى داۋام قىلدى، — ئەسلىدە مەن سىزنى يۇغۇرۇش باشلىقىغا تەيىنلىمەكچىدىم. بۇنداق قىلسام مەملىكەت ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ چوڭ ئىشىڭىز ئاقساپ قالغۇدەك، بۇ نىيىتىمدىن يالتايدىم. ئەمما، سىز دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈۋرۈكى، شۇڭا مەيلىڭىزگە تاشلاپ قويغۇم يوق، سىزنىڭ خاس ھاجىپ بولۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. زۆرۈر تېپىلغاندا مەسلىھەت بېرىشكە چاقىرىمەن، قالغان ۋاقتىڭىز ئىختىيارىڭىزدا بولىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئۆتۈنۈشۈم ئىشىڭىزغا مالاللىق يەتكۈزمەس، — شۇ گەپلەردىن كېيىن ئېلىكخان ئورنىدىن تۇردى. — ئولتۇرۇسلا، ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئولتۇرۇسلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ ئولتۇرغۇزۇپ، — مېنى
193
چۈشەنگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت، ئائىلىرى، قېنى، ئەمدى ئاشقا مەرھەمەت قىلغايلا.
ئېلىكخان ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن، بەگىيۈسۈپ قول - دېدىلىرى بىلەن ئىچكىرى ھويلىدىكى زەمىران ئانىنىڭ كەڭتاشا خانىسىدا تۇرۇۋاتقان دىلداربىكەنىڭ يېنىغا كىردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىڭلىم.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كېلىسلى، ئولتۇرۇسلا، — دىلداربىكە بېشىغا ئارتىقلىق رومال بىلەن يۈزىنى توسۇدى.
— رەھمەت، ئەھۋال سوراپ كىرگەندىم، — بەگىيۈسۈپ ئىشىك تۈۋىدىلا تۇردى، — تۈنۈگۈندىن بېرى خەۋەر ئالالمىدىم، ياخشى تۇرۇۋاتقانلا. قۇزغۇردۇنىڭ ھاۋاسى ياققاندەك تۇرامدۇ؟
دىلداربىكەنىڭ چېھرى ھەسرەتلىك تۇس ئالدى.
— قۇزغۇردۇ كۆرگۈچىلىكى بار ئۆز شەھەر ئىكەن، ھاۋاسى ياقتى، ئەمما كەلگىنىمگە ئەپسۇسلانماي ئامالىم يوق، — دېدى يەرگە قارىغان پېتى.
— نېمە ئۈچۈن، بىكەم؟
— بۇ ئۆزلىرىگە ئايان، بەگىيۈسۈپ، ئاقىبىتىم خاينىم ھايات بولسا، ئەپسۇسلانماس ئىدىم، ئۈمىدسىز ئۇيقۇسىزلىنىپ قالىدىكەن كىشى.
بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەندى.
— ئەپسۇسلانمىسىلا، سىلى خىجىل بولىدىغان ھېچقانداق ئىشنىڭ سادىر بولغىنى يوق. سىلىنىڭ كەلگەنلىرىنى قۇزغۇردۇ ئەھلى ئاڭلىسا ناھايىتى خۇش بولىدۇ.
— شۇنداق بولغاي ئىلاھىم، ئەمما باشقىچە ئويلاپ قالىدىغانلارمۇ چىقىدۇ، بەگىيۈسۈپ.
— خاۋاتىرلانمىسىلا، دىلداربىكە. كېسەللەرنى داۋالاشقا كىرىشىپ كەتسىلا، ھەممە كۆڭۈلسىز خىياللار باشلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
— شۇنداقتىمۇ … ئۆزلىرىمۇ چۈشىنىسلا … باشقا ئۆيگە
يۆتكىلىپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈۋاتىمەن، — كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى دىلداربەكە.
«ئۇ قورۇنۇپ قالسا بولمايدۇ، ئۆز ئىشىغا ئەركىن — ئازادە كىرىشىشى كېرەك. ئايسىلىگ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي. بىر ئۆي تېپىپ بېرىشىمىز ھەقىقەتەن زۆرۈر بولۇپ قاپتۇ.» دەپ ئويلىغان بەگىيۈسۈپ:
— توغرا ئويلاپلا، دىلداربەكە، بۈگۈنلا سىلىگە ھەممە جەھەتتىن قولايلىق بولغان ئۆينى ئوقۇشۇپ بېرىمەن. شۇنچە يىراق يەردىن كەلگەنلىرىدە تەڭلىكتە قويساق قانداق بولىدۇ، — دېدى ئونىڭغا ياخشىلىق تىلەپ، ئۇ تاشقىرى ھويلىغا چىقتى. ئاچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ دىلداربەكەنىڭ تەكلىپىنى ئېيتىۋىدى، ئاچىسى ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن دىلداربەكە قول — دەستىلىرى بىلەن ئايسىلىگنىڭ ئۆيىگە بىر يولىلا …
3
بەگىيۈسۈپ چاشكا ۋاقتىدا كەلگەن دوستى، ساۋاقدىشى ئەربۇقا پەتەھدىن ۋە ئاچىسى ئارچۇننى كۈتۈۋالدى.
— ئەتكەن ئاداربەگنىڭ ئوغلى كەلگەنلەر توغرۇلۇق خەۋەر ئېلىپ كەلمىگەن بولسا، بىخۇدلۇق قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىدىكەنمىز، — دېدى دۇئا — تىلاۋەتتىن كېيىن ئەربۇقا. ئۇ ساقاللىرىنى ياساتماي قويۇۋەتكەنىدى.
— ئۇكام … — دەپلا بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ئارچۇن، — قېيىنئاتام — قېيىنئانامنىڭ ۋاپات بولغىنىغا قايغۇرۇپ تۇرساق، ئاپام تۈگەپ كېتىپ، قولۇم ئىشقا بارمايدىغان، خودۇمنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئارقا — ئارقىدىن يۈز بەرگەن مۇسىبەتلەر بىزنى ھالسىزلاندۇرۇپ قويدى، — ئۇ جىم بولۇپ كەتكەن ئەربۇقاغا قاراپ قويۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، —
بالىلىرىمنىڭ ئاتىسىمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئېچى ئاغرىقىدا، ھەسرەت چېكىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئونىڭغا قارىسام مىنىڭ يەردىن تۆكۈلۈپ كەتكۈمەن.
— يىغلىمىسىلا ئاچا، ئادەم تۇغۇلغانىكەن، ئۆلۈم بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۆلۈمنىڭ قانداق تەرىزدە كېلىدىغانلىقىنى بىر خۇدادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. سەۋر قىلىسلا، ئاچا.
— ئۆكام، قۇمبا ئاچام، ئاقبىرا خېنىملارمۇ كەلگەندۇ؟ ئەجەب كۆرۈنمەيدىغۇ، ئىچكىرى ھويلىدىمۇ يا؟ — سورىدى ئارچۇن ئىشىككە، دېرىزىلەرگە كۆز سېلىپ، ئونىڭ ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىۋالغۇسى بار ئىدى.
بەگىيۈسۈپ يولدا يۈز بەرگەن پاجىئەنى سۆزلەپ بېرىپ دېدى:
— يۈرىكىمنىڭ يارىسى ئېغىر، ئاغرىقىمۇ ئازابلىق، لېكىن چىدىماي ئامالىم يوق. مېيىت ئىشىكتىن چىقىش بىلەن تەڭ، ئونىڭ سەۋرىسى تۆگۈلۈكتىن كىرىدىكەن. سىلەرمۇ سەۋر قىلىڭلار.
بېشىنى سېلىپ ئولتۇرغان ئەربۇقا پەستىن ئونىڭغا تىكىلىپ قارىدى. ساۋاقداش ۋاقىتتىكىدەك سىلىق سۆزلەپلا كەتتى:
— دوستۇم، سەن بۇغراخان مەدرىسىسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىڭدىلا شۇنداق تاقەتلىك، قەيسەر ئىدىڭ. ھالا بۇ ياشقا كەلگەندە غەيرىتىڭ زورىيىپ، جۇشقۇنلىشىپ كېتىپسەن. شۇنچە ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت، مۇسىبەتكە چىداپسەن. مەن ئاباملار بىلەن ئوردۇكەنتكە بارمىغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم. بىللە بارغان بولسام، جەڭدە ھەمراھ بولغان، مۇبادا يارىلىنىپ يىقىلغان بولسا، يارىسىنى تاڭغان، ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلەتكەن، دۇئاسىنى ئالغان بولاتتىم. شۇ چاغدا ئەجەب نامەردلىك قىلىپتىمەن، بۇنى كۆپ ئويلاپ ئەقلىمدىن ئاداشاي دېدىم. مەدرىسىگە بارماي، غەم - غۇسسە، قايغۇ - ھەسرەت بىلەن
ئۆيگە سېلىنىپ ئولتۇرغىنىمغا بىر ئايدىن ئاشتى. سېنى كۆرۈپ، گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ قاراڭغۇ كۆڭلۈمگە چىراغ يېقىلغاندەك بولدى، دوستۇم.
بەگىيۈسۈپ قەدددى - قامىتىدىن قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرغان دوستىنىڭ يەلكىسىگە قولىنى قويدى:
— دوستۇم، قېرىندىشىم، سەن باھادىر سانغۇننىڭ ئوغلى. چاغرىبەگ، ئالىپ بولۇشتىن، مۇدەررىس، بۇغۇچ بولۇشنى ئەۋزەل بىلگەن بىلىك خۇشتارى، بۇ تەرىپىڭ ماڭا ئوخشايدۇ. ئۆيدە بۇنداق جىمىپ يوق ئورۇندا ئولتۇرۇۋەرمەي، ئىشتىياق بىلەن چىڭ باغلاپ، مەدرىسىگە بارغىن، سېنى كۈتۈپ تۇرغان تالىپلارغا دەرس بېرىشنى داۋاملاشتۇر، بۇرچۇڭنى ئادا قىل، شۇنداق قىلساڭلا، ئاتا - ئاناڭنىڭ روھىنى خوش قىلالايسەن، قەدرلىنىپ ياشىيالايسەن …
— ئوبدان دېدىڭ ئۇكام، خۇدايىم بەختىمىزگە ئۆمۈرلىرىڭنى ئۇزاق قىلسۇن. ئاتا - ئانا غەم - قايغۇ بىلەن ئۈمىدسىزلىنىپ قالسا، بالىلارنىڭمۇ روھى چۈشۈپ كېتىدىكەن … ئېيتقانلىرىڭدەك، بالا - قازاغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىمىزنى روھلۇق تۇتساق، قىلغان ئىشىمىزنىڭمۇ بەرىكىتى بولىدىكەن …
بەگىيۈسۈپ ئادار بىلەن بىرنەچچە كۈنگىچە پېتىشلارنى ئۆزاتتى. پېتىشلار سېلىككەنگە كېيىن ئاتا - ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى، ئاندىن مەرھۇم چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پەتلىدى.
ئارازان ئاغىچا ئېرى، ئوغلى، نەۋرىسىنىڭ جەڭدە قازا قىلغىنىدىن يۈرەكلىرى پارە - پارە بولۇپ كەتكەچكە، قىزى ۋە كېلىنىنىڭمۇ قازا قىلغىنىغا چىدىيالماي يېتىپ قالغانىدى. بەگىيۈسۈپنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتتى. بىللە كەلگەن دىلداربىكە چاچلىرىنى ئوۋۇلاپ ئاران ھوشىغا كەلتۈردى.
— دۇنياغا كۆز ئېچىپ خۇشلۇق كۆرمىگەن قىزىم، غونچە پېتى كېتىپ، غونچە پېتى كەتكەن قىزىم، ئاھ قىزىم … — دەپ
ئۇزاقتىنچە يىغلىدى. قاتتىق تەسىرلەنگەن دىلداربەكە:
— ئابا، سىلىگە مەن بالا بولاي دەپ ئوردىدىن كەلدىم. خالىسىلا بالا قىلىۋالسلا، جان — دىلىم بىلەن خىزمەتلىرىدە بولىمەن، — دەپ، بۇ ياشانغان ئانىنىڭ يىغىسىنى توختاتتى.
— سىلىدەك بۈگۈن بىلگە ئاتاسىغۇدەك قىزنى بالا قىلالمامدىغان، بالام، — دەپ ئۇنى باغرىغا باستى موماي.
ئايسىلىگنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان دىلداربەكە شۇ كۈنلا ئارازان ئاغىچىنىڭ ئۆيىگە كېلىۋالدى. بونىڭدىن بەگىيۈسۈپ مەمنۇن بولدى. ئۇ قېيىنئاتىسى ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر قووندى. ئۇلارنىڭ تىلىپىگە قوشۇلۇپ، بۇۋىئايىشە شۇ ئۆيدە قالىدىغان، بەگتۈرمىشمۇ بۇۋىسنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان بولدى.
بۇۋىئايىشە دىلداربەكەدىن كېسەل داۋالاشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شۇ ئۆيدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى. جانىپىدا غوجامنى ھاۋاخان ئاغىچا باقتى، ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم بۇ نەۋرىسىگە ئامراق بولۇپ كەتتى.
بەگىيۈسۈپ ئۆزى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى پىداكارلىق بىلەن مۇھاپىزەت قىلغان مەھمۇد تېگىننىڭ مۇلازىملىرىنى، ساچىيە، خانلىق مەدرىسىلىرىنىڭ ئۆزىگە شاگىرت بولغان ئىخلاسمەن تالىپلىرىنى كۆپ سوۋغا — سالام بىلەن قەشقەرگە يولغا سالدى. مەھمۇد تېگىن ئارقىلىق مۇھەممەد ئارسلانخانغا يازغان مەكتۇپىنىمۇ ۋاقتىدا تاپشۇرۇشنى تاپىلاپ ئۇلارغا بەردى.
بەگىيۈسۈپ شۇنىڭدىن كېيىنلا خېلى ئارام تېپىپ قالدى. ئەمدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبلىكخان بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك ئىدى. شۇڭا، بۈگۈن ئەتەگەنلا ئورداغا باردى. دىۋانخانىدىكى بارلىق ۋەزىر — ۋۇزۇرلار ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. ھازىر ئىبلىكخان سارىيى بولغان — بۇرۇنقى بۇغرا قاراخان سارىيىغا كىرگەندە، ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن تەختتىن تۇرۇپ قارشى ئالدى.
— كېلىپ مېنى كۆپ خۇرسەن قىلدىڭىز، بەگىيۈسۈپ،
يولىڭىزغا قارىغاندىم، دېدى ئۇ سالاملىشىپ.
بەگىيۈسۈپ ئېلىكخان كۆرسەتكەن تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كورسېدا ئولتۇرماي، يۇغرۇش، ھاجىپلار ئولتۇرىدىغان يۆلەنچۈكلۈك كورسلارنىڭ ئاخىرقىسىدا ئولتۇردى. ئادەتتە كورسلارنىڭ بىرىنچىسىدە شەيخۇلىسلام، ئىككىنچىسىدە يۇغرۇش بېشى، ئۈچىنچىسىدە ھاجىبۇل ھۇججاب ئولتۇراتتى. بەگىيۈسۈپنىڭ ئادەتتىكى ھاجىپلارنىڭ كورسېدا ئولتۇرۇشى ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىننى ئۇڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. ئىككىنچى، ئۈچىنچىسىدە ئولتۇرغان بولسا ئۇنىڭ كۆتكىنىدەك بولاتتى.
سىز يۇغرۇش بېشى ياكى ھاجىبۇل ھۇججاب بولۇشقا مۇناسىپ ئىدىڭىز. ھېلىمۇ، ئەل ئارىسىدا، مېنىڭ ئالدىمدا ھۆرمىتىڭىز ئەڭ ئۈستۈن. سىزنى زورلىيالمايمەن. ئۆتكەندە دېگىنىمدەك، ۋاقىت ئۆز ئېلىكىڭىزدە، بەگىيۈسۈپ، قىلماقچى بولغان ئۇلۇغۋار ئەمگىكىڭىزگە ھېچقايسىمىز ھالاۋەت بەرمەيمىز. سىز ناھايىتى كەمتەر، سەمىمىي بۇغۇغ ئىكەنسىز، ھىممىتىڭىزگە تەشەككۈر، ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن ئورنىدىن يەنە بىر قېتىم قوپۇپ رەھمەت ئېيتتى.
ئاللانىڭ رەھمىتى ئالىيلىرىغا بولسۇن، دېدى بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ، ھۆرمەتلىك ئاتام ھايات ۋاقتىدا «كەمتەر، سەمىمىي بولساڭ ئەقىل مەنبەپتىن، بايلىق ئاتاقتىن قۇرۇق قالساڭمۇ، ئەلنىڭ مېھرى مۇھەببىتىدىن قۇرۇق قالمايسەن» دەپ تەربىيە بېرەتتى. ئاتام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان مېنى ھاجىپلىققا تەيىنلىگەندە، مەن مانا مۇشۇ كورسېدا ئولتۇرۇپ، ئەلنىڭ خىزمىتىگە كىرىشكەندىم. ئەمدى يەنە مۇشۇ كورسېدا ئولتۇرۇپ ئەمىرلىرىنى ئادا قىلسام ئۆزۈمنى بەختىيار ھېسابلايمەن، ئالىيلىرى.
ئولتۇرۇڭ، بەگىيۈسۈپ، دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن، ھاردۇقىڭىز چىقىپ قالدىمۇ، غېرىبسىنىپ
قالمىغانسىز؟ — قوزۇردۇننىڭ ھاۋاسى، زىلال سۈيى ھاردۇقۇمنى چىقاردى. قوزۇردۇنغا كېلىپ، كەڭ بىر دۇنياغا چىقىپ قالغاندەك بولدۇم، ئالىيلىرى. — بېشىڭىزنى ئوڭلاپ قويۇشىمىز كېرەك، بەگىيۈسۈپ، بۇنىڭسىز يالغۇزلۇق ئازابىدىن قۇتۇلالمايسىز. — بۇ ھەقتە تېخى ئويلانغۇدەك بولمىدۇم، ئالىيلىرى. مېنىڭ بۈگۈن كېلىشىمدىكى مۇددىئايىم، ئالىيلىرىغا ئائىلىرىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش ئىدى. بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەنلىرىدە، ئالدىراشچىلىقتا ئۇلارنىڭ سالىمىنى يېرىم - يارتا يەتكۈزگەندىم، ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ - سۆزلىرى دېيىلمەي قالغانىدى. — ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن سىزنى ھاجىپلىققا تەيىنلىگەنلىكىم توغرۇلۇق پەرماننى جاكارلاي. ئاندىن ئارامگاھ سارىيىغا چىقىپ پاراڭلىشايلى، — دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن تەكىن. ئۇ ئىشىكئاغىسىنى چاقىرىپ، بارلىق ۋەزىر، ئەمىرلەرنىڭ ئېلىكخان سارىيىغا دەرھال يىغىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. بەگىيۈسۈپنىڭ ئېلىكخان سارىيىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋەزىر، ھاجىپلار كۆڭۈللىرىدە ئۇنى باش ۋەزىرلىك ياكى ئۇلۇغ ھاجىپلىق كۇرسىدا ئولتۇرىدىغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغاچقا، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى ھاجىپلىق كۇرسىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈشۈپ ئەجەبلىنىپ تۇرۇپ قېلىشتى. بولۇپمۇ باش ۋەزىر قۇتلۇقبەگ بىلەن ھاجىبۇل ھۇججاب ئابدۇلغاپپار بارسغاننىڭ كۆڭۈللىرى ئەمىن تېپىپ، ئېلىكخانغا سالام بەجا كەلتۈرۈشتى. ھەممىلەن ئۆز كۇرسىلىرىدا ئولتۇرۇشتى. — جاناپلار، سىلەر تەرىپىنى تولا قىلىدىغان بەگىيۈسۈپ ئوردىمىزغا كەلدى. مەن ئۇنى يۇغروش باشلىقىغا ياكى ئۇلۇغ
ھاجىپلىققا تەيىنلىمەكچى بولغانىدىم. لېكىن، ئۇ ئادەتتىكى ھاجىپلىق كۇرسىدا ئولتۇرۇۋالدى. مەن ئۇنىڭ كەمتەرلىكى ۋە ساداقىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. بۈگۈندىن ئېتىبارەن بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ ماڭا ۋە ئېلىمىزگە ھاجىپ بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئېلىمگا① بۇ پەرمانىمنى پۈتۈپ، قۇزئوردۇ دىيارىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئايماقلارغا ئەۋەتىپ بەرسۇن!
ئەزەر، ئەمىرلەر، بەگىيۈسۈپنى قۇتلۇقلاپ، ئېلىكخانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى.
— ئەمدى بىزمۇ چىقايلى، — دېدى تەختتىن چۈشكەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن. ئۇ بەگىيۈسۈپ بىلەن ئوردا بېغىدىكى ئارامگاھ سارىيىغا كىردى.
تومۇز كىرگەندىن بۇيان، ھاۋا بۈگۈنكىدەك ئىسسىمىغانىدى. كۆھقاپنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ ئېتىۋېتىلگەندەك، شامالدىن ئەسەر يوق ئىدى. ئېچىپ قويۇلغان دەرىزىلەرنىڭ پەردىلىرى مىدىر-سىدىر قىلمايتتى.
بەگىيۈسۈپ مايسا رەڭ گىلەم ئۈستىگە قويۇلغان كۈمۈش قۇبىلىك تەخت يېنىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. دەرپەردىلەرى قايرىپ قويۇلغان دەرىزىدىن ئوردا بېغىغا نەزەر سېلىپ دېدى:
— مەلىكە ئايزادە ئانىمىز ئالىيلىرىغا كۆپ سالام ئېيتتى. پېقىرنى ئوردىكەنت دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. «ئاتىسىنىڭ قىلىچىنى ئالغاچ كەتسۇن، بۇ قىلىچ شۇ ئوغلۇمغا مۇناسىپ، مېنىڭ كېچە-كۈندۈز دۇئادا ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ قويۇسلا» دەپ، ئۆزلىرىگە سالامەتلىك نۇسرەت تەلەپ قالدى، — بەگىيۈسۈپ سۆزىنى توختىتىپ شايى تونىنى قايرىپ بېلىگە ئېسىۋالغان قىلىچنى غىلاپى بىلەن ئېلىكخانغا قوش قوللاپ سۇندى.
① ئېلىمگا — بۇغراخان، ئېلىكخانلارنىڭ مەخسۇس مەكتۇپ، يارلىق، پەرمانلىرىنى يازىدىغان كاتىپ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېكىن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا تەختتىن دەس قوپتى، سەل ئېگىلىپ ئىككى قوللاپ قىلىچنى ئالدى.
— مەن ئاتامنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە قويدۇم. مۇھەممەد ئارسلانخان تاغامنىڭ ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپالمىغاچقا، دەرھال ئاتلىنىپ ياردەمگە بولالمىدىم، — ئۇ بېلىدىكى قىلىچنى ئېلىپ يېنىغا قويدى. ئاتىسىنىڭ تەۋەررۈك قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، باش ئۈستىگە ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈپ، يەنە قىنىغا سېلىپ ئۆپۈۋالدى، — بەگىيۈسۈپ، ماڭا ئارسلانخان دەپ نام بەرگەن بۇغرا قاراخان ئاتامنىڭ ئۈمىدىنى چوقۇم ئاقلايمەن! — ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق ھەم كېسكىن ئىدى.
— تەڭرىم سىلىگە مەدەتكار بولسۇن، ئارسلاندەك ماڭغان ئىزلىرىدىن قايتماي، زەپەر قۇچقايلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېكىن ئاتا - ئانىسىنى، بىر تۇغقانلىرىنى ئەسلەپ سورىدى:
— ئۆكام ياقۇپ تېكىن، ئالماس تېكىن، سىڭلىم ئالقىشبېكە، كۆنبېكە، ئايىبىكەلەرنى بەك سېغىندىم. ئۇلار سالامەت تۇرغاندۇ — ھە؟
— سالامەت، ئالىيلىرى. ياقۇپ تېكىن ناھايىتى جىگەرلىك يىگىت بوپتۇ. ئۇ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشىمەن، دەپ قان ئىچەر جاللات مۇھسۈزنىڭ توسۇشىغا قارىماي، زىندانغا باستۇرۇپ كىرگەندە تۇتۇلۇپ زىنداندا يېتىپ چىقتى. ھازىر ساچىيە مەدرىسىدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. مەلىكىلەر ئوپالدىكى چار باغدا، ئانىلىرىنىڭ قېشىدا، ئۇلاردىن خاتىرجەم بولغايلا.
— مەن ئاتامنىڭ زىنداندا ئۆلۈپ كەتكىنىگە بەك ئۆكۈنىمەن. تولىمۇ باغرى يۇمشاق، ئېغىر - بېسىق ئىدى. ھۆكۈمدار ئۇنداق باغرى يۇمشاق بولسىمۇ زىيان تارتىپ قالىدىكەن.
— دېگەنلىرى بەھرەھەق ئالىيلىرى. ئەمما، پادىشاھ باغرى
قاتتىق، زالىم بولسا تەختتە ئۇزاق ئولتۇرالمايدۇ. پادىشاھ بىلىملىك، خەلقپەرۋەر، ئادىل بولۇشى زۆرۈر. سۇلايمان ئارسلانخان ئېلىلىرى ئېغىر - بېسىق، دانىشمەن زات ئىدى، ئاۋامنىڭ غەمگۈزارى ئىدى، ئۇرۇشنى، قان تۆكۈلۈشنى خالىمايتتى. شۇڭا، مۇشۇ كۈنلەردە ئوردىكەنت ئەھلىلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئۇنى سېغىنىپ ياد ئەتمەكتە. قانخور، زالىم پادىشاھنى ھېچكىم ياد ئەتمەيدۇ. سۇلايمان ئارسلانخان ئېلىلىرى ئۇ دۇنياغا پاك كەتتى. سىلى ئەمدى قايغۇرۇشنىڭ ئورنىغا، قارا نىيەت، سوغۇقچىلىقچىلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا باش قاتۇرۇشلىرى لازىم. ئانىلىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ دوستلىرىنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى شۇ، — دېدى بەگتۈسۈپ. ئۇ ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىننىڭ غەم - قايغۇ بىلەن گاڭگىراپ قالغىنىنى ئوردىكەنتتىكى چېغىدىلا ھېس قىلغان ھەم بالاساغۇنغا كەلگەندىن كېيىن بىلىپ يەتكەنىدى. شۇڭا، كۆڭلىدىكى ئېستەكلىرىنى ئوچۇق ئېيتىپ، ئۇنى روھلاندۇرماقچىدى.
— بەگتۈسۈپ، بوزاغۇ ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى قۇماربىكەنىڭ سوغۇقچىلىق ھەرىكەتلىرى نەچچە كۈندىن بېرى كاللامغا كىرىۋېلىپ، بۇ ھەقتە تاغامغا مەكتۇپ ئەۋەتىش قارارىغا كەلدىم. ئەمدى يەنە سۈكۈت قىلسام، تاجوۋەتچىلىرىمىز خەتەر ئاستىدا قالىدىغان ئوخشايدۇ.
— پېقىرمۇ مەھمۇد تېگىننىڭ مۇلازىملىرىدىن مۇھەممەد ئارسلانخانغا مەكتۇپ ئەۋەتتىم. ئەگەر ئۆزلىرىمۇ ئەۋەتسە، تاغىلىرىنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ، سوغۇقچىلىقچىلارغا تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا بىر قېتىملىق چوڭ قىرغىنچىلىقتىن خاندانلىرىمۇ، ئەلنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ، ئېلىلىرى.
— بەەرھەق، شۇنداق. مەن بۈگۈنلا مەكتۇپ يېزىپ، ئەسكىنچىدىن ماڭدۇرۇۋېتىمەن. يەنە قانداق مەسلىھەتىڭىز بار؟
بەگىيۈسۈپ قولىدىكى پىيالىنى داستىخانغا قويدى. — تەختلىرى سايىسىدا قىلىچ بىلەۋاتقان مەلئۇن بار. مېنىڭ كېلىشىمدىكى يەنە بىر مەقسەت بونى ئاشكارىلاش ئىدى، ئالىيلىرى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىننىڭ چىرايى لاپپىدە ئۆزگەردى. — ئۇ كىم ئىكەن، ھاجىپ؟ — پەرمانبەگ. — پەرمانبەگ؟! — ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
4
قۇزغۇردۆدىكى دىۋانى ئارىس سارىيى ئوردىنىڭ شىمالىدىكى چىمەنزارلىق ئىچىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئېلىكخان سارىيىدىن قالسىلا، ئوردىدىكى ئەڭ كۆركەم بېنا سانىلاتتى. سۇلايمان ئارسلانخان ۋاقتىدا، ئوردۇكەنتلىك مەشھۇر نەققاش، بىناكار سۇلايمان كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئاخۇنبەگ ئوردىنى كېڭەيتىپ ياساپ بۇ بېنانى سالغان، ئۆزلىرىمۇ بۇ شەھەردە تۇرۇپ قالغانىدى… ئوردا مەسچىتىدىن يانغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن يۇرتۇغ، جاندارلىرى بىلەن كەلگۈنچە سارايغا كىرىپ تەختكە چىقتى. بەگىيۈسۈپ ھاجىپلار بىلەن بىللە كۆرسىتىلگەن ئورۇن ئالدى. تەختنىڭ سول تەرىپىگە قويۇلغان كۇرسلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرمانبەگ ئولتۇراتتى. ئۇ ئاق يۈز، قوي كۆز، بويچان، كېلىشكەن ئادەم ئىدى. مېھرى ئىسسىق، سىپايە كۆرۈنەتتى. ئېلىكخاننىڭ دىۋانى ئارىس سارىيىغا يىغىلىش توغرىسىدىكى ئەمىرنى باش ۋەزىر قۇتلۇقبەگدىن ئاڭلاپ «ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش توغرىلىق پەرمان جاكارلايدىغان ئوخشايدۇ، ئەجەب بىلمەي قاپتىمەن. بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.
بۈگۈن كەچتىلا بوزاغۇغا مەكتۇپ يېزىپ، خاس غۇلامدىن ئەۋەتىمەن» دەپ ئويلىدى.
بېگىيۈسۈپ ئويغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى، ياداغۇ چېھرىگە غەم كۆلەڭگىسى تاشلىغانىدى. ئۇ بايا ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىننىڭ تەكلىپى بىلەن، چۈشتە ئۆيىگە كەتمەي، ناماز پېشىننى ئوردا مەسچىتىدە ئوقۇپ، پەرمانبەگنى سوراق قىلىشقا قاتناشماقچى بولغانىدى.
ۋەزىر - ۋۇزۇرالار بۈگۈنكى ئۇشتۇمتۇت چاقىرىلىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي تەشۋىشلىك قىياپەتتە جىمجىت تۇرۇپ ئولتۇرغان ئېلىكخاندىن سۆز كۈتۈپ ئەندىشىگە چۆشۈپ قېلىشقانىدى.
تۆت نەپەر قارا تونلۇق، يۈزلىرىگە نىقاب تارتقان جاللات، قىلىچ، پالتىلىرىنى يالىڭاچلاپ تەخت كەينىدە قورقۇنچلۇق قېتىپ تۇرۇشاتتى. جاندارلار ئارقىدا ۋە ئىككى ياندا سەپراس بولۇپ ئۈچ رەت تۇرۇشقانىدى. ئېلىكخاننىڭ ئاچچىق ۋە غەزەپ يېغىپ تۇرغان چىرايى دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنىدى.
قىلىچىنىڭ سېپىنى تۇتقان ھالدا تەختتىن دەس تۇرغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن ئۆنلۈك ئاۋازدا دېدى:
- جانابلار، بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان ئاتامنىڭ زىنداندا بېۋاقىت ۋاپات بولغىنىغا تۆت ئايدىن ئاشتى. ۋەلىئەھد بولغان مېنىڭ لەشكەر تارتىپ ئاتلانماي، قوزغۇلاڭچىلارغا جىم تۇرۇۋالغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىلەر؟ مەنۇ مەرھۇم ئاتامدەك، ئەلدە بىھۇدە قان تۆكۈلۈشىنى خالىمايمەن. قېرىنداش، يۇرتداش تۇرۇپ، بىر - بىرىگە قىلىچ كۆتۈرگەننى ئاللا راۋا كۆرمەيدۇ! تاغام مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قان تۆكۈپ ئېرىشكىنى نېمە بولدى؟ تاجسىنىڭ تاجوتهختى! ئەلگە نېمە قىلىپ بەردى؟ قان تۆكۈپ، زۇلۇم سالدى! قارا نىيەت، تۇزكور ئەبلەخلەرنىڭ سۈيقەست بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، قاراخانىيلار مەملىكىتىنى پارچىلاپ، تالان - تاراج قىلىشقا يول ئېچىپ بەردى، خالاس!
بۇ قارا نىيەت سۈيقەستچىلەر ئېلىمىزنىڭ ھەممە شەھەر - ئايمىاقلىرىغا تارقالغان، جۈملىدىن قۇزئوردىدىمۇ بار! — ئېبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن سۆزىنى توختىتىپ، غەزەپلىك نەزىرىنى چىرايى تاتىرىپ يەرگە قارىۋالغان پەرمانبەگكە تىكتى، — شۇ سۈيقەستچى كاززاپلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم، بۈگۈن بىلگە ھاجىپ بەگىيۈسۈپ بىلدۈردى. ھەربىرىڭلارغا ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئېيتىپ بېرىدۇ.
دۆلەت ئەربابلىرى دۆربىدە ئۇنىڭغا قاراشتى. دەككە - دۈككەدە قالغان پەرمانبەگمۇ چاندۇرماي كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنى كۆزەتتى.
بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇردى:
— ئېبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئالىيلىرى، — دېدى ئۇ ئېلىكخاننى ۋەلىئەھەد ئۇنۋانى بىلەن ئاتاپ، — بۇ قېتىم قۇزئوردىغا كېلىشىمدە تەڭرى مېنى ئاچچىق ساۋاققا ئىگە قىلىپلا قالماي، بىر چوك سىرنى كۆز ئالدىمدا ئاچتى: قارلۇق ھۆكۈمدارلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھوقۇق، ئىمتىيازغا رازى بولماي، تاجوۇتەختنى تارتىۋېلىش كۇيىدا بولۇپ كەلدى. قاراخانىيلار خاقانلىق يوغۇروش بېشى بولغان قارلۇق يابغۇسى بولۇپبەك سۈيقەست بىلەن شۇغۇللىنىپ دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى بوزاغۇ، قىزى قۇماربىكەلەر مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئىشىنىچىگە ئېرىشىۋېلىپ چوك ھوقۇقلارنى قولىغا كىرگۈزۈۋالدى. ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلدۇرۇپ، بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ زىنداندا ئالەمدىن ئۆتۈشىگە سەۋەبكار بولدى. ئۇلارنىڭ قۇزئوردىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمى — ئوردىمىزدا خىزمەت قىلغۇچى پەرمانبەگ!
ھەممەيلەن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قاراشتى. پەرمانبەگ تاتارغان چىھرىگە سۈنئىي كۈلكە يۈگۈرتۈپ سالام بېرىپ دېدى:
— يېقىر ئېلىكخان ئالىيلىرىغا بولغان ساداقىتىمنى قان
بىلەن ئاقلاشقا رازىمەنكى، ھاجىپ بەگىيۈسۈپ جاناپلىرىنىڭ مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئالغىنىغا ئەجەبلىنىۋاتىمەن.
ئۇنىڭ ناھايىتى سىلىق - سىپاگەرچىلىك بىلەن ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلىغان ئېلىكخان بەگىيۈسۈپكە قاراپ قويدى. بەگىيۈسۈپ بېشىنى چايقاپ قويۇپ پەرمانبەگدىن سورىدى:
— بولۇنبەگنى بىلەمسىز؟
پەرمانبەگنىڭ چىرايى ئۆچتى. لېكىن، ئۇ زورلاپ كۈلۈمسىرەپ، ئەندىشىسىنى يوشۇرماقچى بولدى.
— بىلمەن، ھاجىپ، ئاسىيلىق قىلغىنى ئۈچۈن دارغا ئېسىلغانىدى.
— ئۇنى قانداق تونۇيسىز؟
— بىز ئىككى تۇغقاننىڭ بالىلىرى بولىمىز، شۇڭا مېنى ئوردا ياساۋۇللۇقىغا تونۇشتۇرغان.
— تۇغقىنىم دەپ ئوردا ياساۋۇللۇقىغا تونۇشتۇرۇشتا، بولۇنبەگنىڭ نېمىنى كۆزلىگىنى سىزگە ئايانمۇ؟
— يوقسۇ، ھاجىپ. تۇغقانچىلىق يۈزىسىدىن شەپقەت قىلىپ تونۇشتۇرغانلىقى ماڭا ئايان.
— ياساۋۇل بولغاندىن كېيىن بولۇنبەگكە نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەردىڭىز؟ ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسىڭىز كۆچەيگەندۇ؟
بەگىيۈسۈپ سورىغان ھەربىر سوئالنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى. پەرمانبەگمو ئۆستىلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتاتتى. بۇ قېتىم سەل تۇرۇۋېلىپ جاۋاب بەردى:
— ياساۋۇل بولغىنىمدىن كېيىن، بولۇنبەگنىڭ ئەمەس، ئېلىكخان ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. ئالىيلىرىغا بولغان ئىخلاس - ھۆرمىتىم كۈنسېرى ئاشتى.
— شۇنداقمۇ، پەرمانبەگ؟ — بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭغا بېگىزدەك قادالدى.
— شۇنداق، ھاجىپ، ئەلۋەتتە شۇنداق، — پەرمانبەگنىڭ بۇ تەھدىتلىك گەپتىن ۋۇجۇدىغا تىترەك ئۇلاشتى.
— قانداقلارچە باجگىربەگ بولۇپ قالدىڭىز؟ — ئېلىمخان ئالىيلىرىغا بولغان ساداقىتىمدىن. بەگيۈسۈپ گەپنى يۆتكىدى. — چاۋاربەگ، قابانلارنى تونۇمسىز؟ — چاۋاربەگ، قابان؟ مەندىن نېمىشقا بۇنداق سوئاللارنى سورايسىز؟ — پەرمانبەگ ئېلىسخانغا تېزىم قىلدى، — ئالىيلىرى، مەن چۈشىنەلمەي قالدىم. نېمىشقا بەگيۈسۈپ مېنى سوراققا تارتىدۇ؟ پېقىردەك ساداقەتمەن قۇللىرىنى قارىلاشقا پېتىنىپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ ئۆتۈنىمەن ئالىيلىرى. يول قويۇۋەرمەي، ھاجىپنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغان بولسىلا، — ئۇ تەخت ئالدىغا كېلىپ تىزىلاندى، — پېقىر ئالىيلىرىغا سادىق، ئالىيلىرىنىڭ قۇلى … ئەبۇ ئەلى ھەسەن تىگىن قوللىرىنى بېگىز قىلىپ شىلتەپ: — سەن بوزاغۇغا سادىقمۇ ياكى ماڭىمۇ؟ راستىنى ئېيت! ھاجىپ بەگيۈسۈپنىڭ قويغان سوئاللىرىغا ئېنىق جاۋاب بەر! ئونىڭ ئاغزى ئەمەس، مۇناپىقنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىدۇ، قېنى سۆزلە! پەرمانبەگ تاتارغان يۈزىنى بەگيۈسۈپكە قاراتتى: — تونۇيمەن، ئۇلار بولۇنبەگ، بوزاغۇنىڭ خاس مېھرەملىرى. — ئۇلارنى قانداق تونۇيسىز؟ — بولۇنبەگنىڭ قورۇسىدا كۆرگەن. — سىزنىڭ ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ قىلىشىڭىز شۇنداق ئاددىيلا بولغانمۇ؟ بىللە ئولتۇرۇپ — قوپقان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟ — يوقسۇ، يوقسۇ، ئۇلارنى چاكار، دەپ بىلەتتىم، خالاس. — ئىككى يىل مۇقەددەم بوزاغو قوزغۇلىڭىدا كەلگەندە سىز بىلەن كۆرۈشكەنمىدى؟ — ياق — ياق، ھاجىپ. ئۇنىڭ قوزغۇلىڭىدا كەلگىنىنى
سىزدىن مۇشۇ دەقىقىدە ئاڭلاۋاتىمەن.
— بوزاغو بىلەن بىللە چاۋار، قابان، ھەمدۇل ئىسىملىك ئۈچ غۇلاممۇ كەلگەن، ئېسىڭىزگە چۈشكىندۇ؟
— مەن … مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم.
— ئۇلار كەلگەندە، — دېدى بەگىيۈسۈپ قاتتىق ئاچچىقى بىلەن، — قوزغۇلۇشنىڭ بەگۇقا مەھەللىسىدە قانلىق پاجىئە يۈز بەردى، يەنى ئۇلار قوزغۇلۇشتا ئابرۇيلۇق زەردار ئەر - خوتۇننى ئۆلتۈرۈپ، قىممەت باھالىق جاۋاھىرات - ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. ئۇلارنى ئوردىدا ئىشلەيدىغان بىر ئەمەلدار ئۆيىدە يوشۇرۇپ ساقلاپ بارسىغانغا قاچۇرۇۋەتكەن …
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، ھاجىپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، ماڭا تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ! — دەپ ۋارقىراپ كەتتى پەرمانبەگ. ئۇنىڭ تاتارغان چىرايى ئەمدى كۆكىرىشكە باشلىغانىدى.
— بەس! — قولىنى سىلكىدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخان. پەرمانبەگ بېشىغا سوغۇق سۇ قويۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ سۆزدىن توختاپ قالدى. ئېلىكخان سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — سەن ھاجىپ بەگىيۈسۈپنىڭ سوئالىغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەر! بوزاغو غۇلاملىرى بىلەن ئۆيۈڭدە تۇرغانمۇ، يوق؟ ئەگەر، يەنە يالغان گەپ قىلىدىكەنسەن تىلىڭ كېسىپ تاشلىنىدۇ!
پەرمانبەگ تىترەنگەنچە يەرگە باش قويدى. بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭغا قاراپ دېدى:
— ئەگەر سىزنىڭ ئېيتىشقا تىلىڭىز كەلمىسە، مەن سۆزلەپ بېرەي: بولۇنبەگ ئەينى ۋاقىتتا، رەزىل مەقسەتكە يېتىش نىيىتىدە، ھىيلە - مىكىرلىك، قولىدىن ئىش كېلىدۇ، دەپ سىزنى ئوردا ياساۋۇلى ھەم ئۆزىڭە مۇھاپىزەتچى قىلىۋالغان، كېيىن دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدىغان باجنى قاقتى - سوقتى قىلىش غەرىزىدە، باجگىر بەگلىككە ئۆستۈرگەن. نەچچە كۈندىن بېرى بازار، رەستە ئارىلاپ ئېنىقلىشىمغا قارىغاندا، نۇرغۇن ئېلىپساتارلاردىن پارا ئېلىپلا قالماي، ئوردا خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدىغان باجغا خىيانەت قىلغان پەرمانبەگ سىز ئىكەنسىز
ئەمەسمۇ؟ سىز كۆرۈنۈشتە ناھايىتى سىلىق - سىپايە، شېرىن سۆخەن بولۇۋېلىپ، ئېلىكخان ئالىيلىرىنىڭ ئىشىنىچىگە ئېرىشمەكچى بولدىڭىز. ئالدىنقى يىلى بوزاغو يوشۇرۇن ھالدا قوزغىلاڭغا كەلگەندە، قانلىق پاجىئەنى بىللە پىلانلىدىڭىز ۋە قوللىرى قانغا بويالغان بوزاغو بىلەن شېرىكلىرىنى ئۆيىڭىزدە يوشۇرۇپ ساقلاپ، كېيىن قاچۇرۇۋەتتىڭىز. ئەمما، ئوستىلىق بىلەن ئۆزىڭىزنى ساداقەتمەن كۆرسىتىپ، ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېگى بولۇۋالدىڭىز. مانا بۇ، چاۋار، قابان ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ئىقرارنامىسى.
بەگىيۈسۈپ ئاق چوتاغا قارا سىياھ بىلەن يېزىلغان ئىقرارنامىنى قويۇن يانچۇقىدىن ئېلىپ كۆپچىلىككە كۆرسەتتى. پەرمانبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— كۆرۈپ بېقىڭ! — دەپ بەردى.
پەرمانبەگ تىترەگەن قوللىرى بىلەن ئىقرارنامىنى ئالدى، ياشلانغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى. ئىقرارنامىگە بوزاغو، قۇماربەكلەرنىڭ قىلمىشلىرى پۈتۈلگەنىدى. پەرمانبەگنىڭ ئۇلارغا ساداقەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، قاراخانىيلار خانلىقىغا قارشى يوشۇرۇن رەۋىشتە ئادەم تەشكىللەۋاتقانلىقى، بوزاغونىڭ ئوردىدىكى پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا، ئۇنىڭمۇ قولى بار ئىكەنلىكى يېزىلغانىدى.
پەرمانبەگنىڭ راۋاب تارىدەك تىترەك باسقان قولىدىكى ئىقرارنامە، گىلەم ئۈستىگە چۈشتى.
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، مەن بىلمەپتىمەن، تۇزكورلۇق قىپتىمەن. بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكەيلا، ئىقرارنامىدە يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى راست. مېنى كەچۈرسىلە، — دەپ يىغلاندى پەرمانبەگ يەرگە باش قويۇپ.
— مۇناپىقنى كەچۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. قېنى بەگىيۈسۈپ، ئۆزىڭىز بىرنېمە دەڭ! — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخان بەگىيۈسۈپكە قارىدى.
— ئالىيلىرى، جەڭگاھتىكى ئاشكارا دۈشمەنگە قارىغاندا،
دوست سىياقىغا كىرىۋالغان يوشۇرۇن دۈشمەنگە تاقابىل تۇرماق ناھايىتى تەس. مانا بۇ تۇزكور قاراخانىيلار تەختىنى غۇلىتىش قەستىدە نۇرغۇن ئەسكىلىكلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۆز قولى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرمىگەن. شۇڭا، دۆلەتكە سالغان زىياننى تۆلىتىپ، زىندانغا تاشلاش كېرەك. بۇنىڭغا شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش لازىم، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئونىڭ قىياپىتىگە كۆز سېلىپ.
— بۇ مۇناپىقنى شۇنداقلا زىندانغا تاشلاش بەك يېنىكلىك قىلىدۇ، — دېدى ئېلىكخان تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۇرسىدا ئولتۇرغان شەيخۇلىسلامغا ئىقرارنامىنى سۇنۇپ بېرىپ، — قوزغۇلاننىڭ باش قازىسى ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇلغوپۇر مەخدۇم ھۆكۈم چىقارسۇن!
بەگىيۈسۈپ ئۆتكەن يىلى قوزغۇلاڭغا باش قازى بولغان قېيىنئاتىسىغا ھۆرمەت نەزىرىنى تىكتى. ئاپپاق ساقىلى كۆكسىگە چۈشكەن مەخدۇم ئاق شاھى تون كىيىپ، ئۇچلۇق بۆكىگە ئاق سەللە ئورىغانىدى. ئۇ يېنىدىكى دىنىي پېشۋالار بىلەن قىسقىغىنا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ھۆكۈم چىقاردى:
— ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. پادشاھقا، ئەلگە ئاسىيلىق قىلغان بوزاغۇنىڭ سۈيقەستىگە قاتنىشىپ، خانلىقىمىزنى ئاغدۇرماقچى بولغان پەرمانبەگ ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ كەلگىنى ئۈچۈن، تىلى كېسىلىپ، زىندانغا ئون يىل بەند قىلىنسۇن!
ئېلىكخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەخت كەينىدە تۇرغان تۆت جاللات ھوشىدىن كەتكەن پەرمانبەگنى تەئەججۈپ قىلىپ كۆتۈرۈپ ئاچىقىپ كەتتى، باش ۋەزىر قۇتلۇقبەگ، ئۇلۇغ ھاجىپ ئابدۇلغاپپار بارسغانى ئۆزلىرىنىڭ بىخۇدلۇق قىلغىنىنى ئېيتىپ، ئېلىكخاندىن ئەپۇ سورىدى، بەگىيۈسۈپكە رەھمەت ئوقۇشتى.
يەتتىنچى باب: ھەكىم قىزنىڭ سىرى
1
تاغلاردىن ئەسكەن غۇر - غۇر شامال تىمىتاس بولۇپ قالغان دەريا بويىدىكى دەر - دەرەخلەرنى ئىرغاشتۇرۇپ ئوسسۇلغا سالدى. بوستان تاللارنىڭ شىلدىرلىشىغا گۈل - گىياھلارنىڭ شىۋىرلىشى قوشۇلدى. ئۇچار قۇشلارنىڭ ئۆچۈرلىشىگە ئۆركەشلىگەن سۇنىڭ شارقىرىشى جور بولۇپ، ئاجايىپ خوش سادا ھاسىل بولدى. مانا بۇ تومۇز ئۆتكىنلىكنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى.
دەريا بويىغا ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن دىلداربەك ئاتتىن چۈشۈپ، ئارقىسىدىن كېلىۋاتقانلارنى ساقلاپ تۇردى. ئىككى قاراۋۇل، بىر توشقاننى غانجۇغىلىۋالغان بۆرتەيىش بىر قانچە دېدەك، خىزمەتكارلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى.
— دىلدار خېنىم ئاچا، ئات مىنىشكە ئوستا ئىكەنلا. مەن تېخى ئوردىدىكى قىز - خېنىملار ئات مىنەلمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم، — دېدى ئۇ چىلان تورۇقنىڭ تىزگىنىنى دېدەككە بېرىپ.
— ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئات مىنىپ دۇنيانى ئايلىنىپ چىققانكەن، بۆرتەيىش، مەنۇ ئات مىنىپ چوڭ بولغان، — ئۇ ئاق قاشقا ئېتىنىڭ بوينىنى سىلاپ قويدى، — سىڭلىم، بۇ يەر خىلۋەت، خوش ھاۋا ئىكەن. مەشھىدە بىر ئاز ئارام ئالغاش تاماق يەۋېلىپ، ئاندىن شىكارنى داۋاملاشتۇرايلى. مېنىڭ بىر تۈلكە
ئۇۋۇلغۇم بار.
ئۇلار ساۋۇت - دۇبۇلغا كىيىپ جەڭگە ماڭغان سىپاھىلاردەك ياسىنىۋالغىچە، كۆرگەنلەر ئايال ئىكەنلىكىنى دەرھاللا بىلەلمەيتتى.
دېدەكلەر قىرغاقتىكى كۆك تېرەك تۈۋىگە سېلىنچا سېلىپ، ئارام ئالىدىغان ئورۇن راسلىدى. دىلداربىكە، بۈۋىئايىشەلەر دالدىغا دۇبۇلغا - ساۋۇتلىرىنى سېلىپ، روماللىرىنى تارتىپ نازىنىن خېنىملارغا ئايلاندى. دەريا بويىغا چۈشۈپ تاھارەت ئېلىشىپ، پېشىن نامىزىنى ئوقۇۋېلىشتى. دېدەكلىرى بىلەن ئوت يېقىپ ئۆزلىرىنى كاۋاپ قىلىشقا كىرىشتى. پات - پات ئورنىدىن تۇرۇپ يىراققا قارىغان بۈۋىئايىشە:
— ئاكام بەگتۈرمۈش نەگە كەتكەندۇ؟ بىزدىن نېرى بولما، دەپ شۇنچە تاپىلىساممۇ، مانا ھازىرغىچە يوق، — دېدى. ئۇنىڭ ئەنسىرەش ئىچى تېت - تېت بولۇۋاتاتتى.
— بەگتۈرمۈش ھوشىيار يىگىت ئىكەن. بۇنچە كۆپ خوتۇنلار ئارىسىدا زېرىكىپ قالدۇ ئەمسۇ، سىڭلىم. ئادىشىپ قالماس، بىزنى تاپالمىغان تەقدىردە ئۆيگە كېتىدۇ. ئەنسىرىمىسلا، — دېدى دىلداربىكە ھەريانغا بويۇنداپ قاراپ. بۈك - باراقسان چۆ دەريا ۋادىسىنىڭ كۆز يېتىم يېرىدە ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى.
دىلداربىكەنىڭ تېۋىپ ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بىلىۋالغان بالاساغۇن ئەھلى ئۇنى ئۆيمۇئۆي چاقىرىپ ئىززەتلىدى. كېسىلىنى كۆرسىتىدىغان ئاياللارمۇ كۈنسېرى ئېشىپ، مەرھۇم چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل قورۇسىدىن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. قېرىلىق يېتىپ ھالسىرىغان، مۇسىبەت قايغۇسىدا ئېزىلگەن ئارازان ئاغىچىمۇ ئۇنىڭ داۋالىشى، كۈتۈشى بىلەن خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغانىدى. ئاجىزلاپ كەتكەن بودراچ مومايمۇ ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى يەپ تېتىكلىشىپ قالدى. دىلداربىكە كېسەللەرنى تەكشۈرۈپ، دورا بېرىپلا قالماي، ياخشى سۆز - مەسلىھەتلىرى بىلەنمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايتتى.
بەگىيۇسۇپنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بۇۋىئايشە ئۇنى سەيلە قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈن ئەتەگەن خىزمەتكار - دېدەكلەر بىلەن بىللە شىكارغا ئېلىپ چىققانىدى. دېگەندەك ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ يايراپ قالدى.
- دىلدار خېنىم ئاچا، ھاردۇقلىرى چىقىپ قالغاندەكۇ؟ - سورىدى بۇۋىئايشە يولغۇن شېخىغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپ قىلىنغان قىرغاۋۇل گۆشىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ.
- مەن ھارمىغان تۇرسام، - دەپ كۈلۈمسىرىدى دىلداربېكە، - ئادەم ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلسا ھارمايدۇ، بۇۋىئايشە، مەن داۋالاشقا جان - دىلىم بىلەن ئىشتىياق باغلىغانمەن، ئەقىدە قىلغانمەن. داۋالانغان بىر كېسەل ساقايسا شۇ ھامانلا ھاردۇقۇم چىقىدۇ. قۇزغۇردۇغا كېلىپ كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالدىم. بۈگۈن شىكارغا چىققانمىدىن بەك خوش بولدۇم. راستىنى دېسەم، ئاۋۇ كۈنى پەرمانبەگنىڭ تىلىنى كەسكەندە جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرىم، بۈگۈن ئارام تېپىپ قالدى، - ئۇ كاۋاپنى يەپ تەمىنى چىشلىتىپ قويدى.
- مېنىڭمۇ شۇ كۈنى ئۇ مۇناپىقنىڭ كۆزلىرىنىمۇ ئويۇۋالغۇم كېلىپ كەتتى، - دېدى بۇۋىئايشە.
- سىڭلىم، تەڭرى ھەممە گۇناھنى كەچۈرسىمۇ، مۇناپىقلارنىڭ قىلمىشىنى كەچۈرمەيدۇ. پەرمانبەگكە بېرىلگەن جازا ھەق بولدى. لېكىن، ئۇنىڭ يالغانچى تىلىنى كېسىۋاتقاندا، خوتۇن - بالىلىرىنىڭ نالە - پەريادىنى ئاڭلاپ، زادى تۇرالماي قالدىم، - دىلداربېكە كۆزىگە ياش ئالدى. بۇۋىئايشە پىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپقا چوغ تارتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن تىكىلدى:
- مېنىڭمۇ خوتۇن - بالىلىرىغا ئىچىم ئاغرىدى، ئاچا. لېكىن، ئۇ شۇنداق چىرايلىق خوتۇن - بالىلىرى تۇرۇپ، نېمىشقا مۇناپىقلىقنى تاللىۋالىدۇ؟ نېمىشقا يارۇق ئاكام،
ئايتىمش ئاچامنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنى پاناھىغا ئالىدۇ؟ نېمىشقا ئاۋام ھىمايە قىلغان قاراخانىيلار خانلىقىنى ئاغدۇرماقچى بولىدۇ؟ نېمىشقا تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىماي، ئەلنى مالىمان قىلىشنى، قان تۆكۈشنى خالىايدۇ؟ ئاۋۋال تىلىنى كېسىپ، ئاندىن كاللىسىنى ئالىدىغان مەلعۇن ئىكەن ئۇ، — بۇۋىئايىشە غەزەپتىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، — بوزاغۇ، پەرمانبەگدەك مۇناپىقلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن مۇھەممەد ئارسلانخان ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بېرىپ، ئۇرۇشتا ئاز ئادەم ئۆلدىمۇ؟ قېيىنئاتام، ئېرىم، ئوغلۇم قۇربان بولدى ئاچا، ئىككى بالامۇ …
— ئولتۇرۇسلا، سىڭلىم، — دىلداربېكە ياشلىرى تاراھلاپ ئېقىۋاتقان بۇۋىئايىشەنى ئولتۇرغۇزدى، — دېگەنلىرى راست، مۇناپىقلارنىڭ كاساپىتىدىن ئېلىمىز تىنچىمايۋاتىدۇ، ئاۋام زىيان تارتىۋاتىدۇ. شۇڭا، مۇناپىقلىق قىلغان پەرمانبەگنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ يالغان سۆزلىگەن تىلى كېسىلدى، مەڭگۈ گەپ قىلالماس بولۇپ قالدى. خوتۇن — بالىلىرىنى داغى ھەسرەتتە قويدى. ئۇ لەنەتنىڭ ئۇ دۇنيادىكى جايى تېخىمۇ ئازابلىق بولىدۇ.
— ئازابلىق بولامدۇ؟ ئاڭلىشىمغا قارىغاندا بۇ دۇنيادا جازالانغان ئادەملەر ئۇ دۇنيادا گۇناھى يۇيۇلۇپ كېتەرمىش … بۇنىڭغا مەن تازا قايىل ئەمەس، — دېدى بۇۋىئايىشە ئۆلۈك — كىچىك تىنىپ.
— سىڭلىم، — دېدى دىلداربېكە، — ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قىيامەت بولغاندا ئاسى — مۇناپىقلار ئەڭ پاسكىنا ھايۋان تۇڭگۇزلارنىڭمۇ ئارقىسىدا تۇرارمىش … بەزى كىتابلاردا ئېيتىلىشىچە، قان — يىرىڭ قايناپ تۇرغان دوزاخقا تاشلانغاندىن كېيىنمۇ، مۇناپىقلارنىڭ تىلى ھەمىشە كېسىلىپ تۇرارمىش … لېكىن، پەرمانبەگنىڭ بۇ يەردە تىلى كېسىلگەن بىلەن قۇماربېكە، بوزاغۇلار ئوردۇكەنتتە بۇغرا قاراخانغا، ئەلگە
زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئوي كاللامغا كىرىۋالسا جىددىيلىشىپ قالىمەن. شىكارغا چىققانمۇ، ئۇ قورقۇنچلۇق خىياللارمۇ كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈلگەندەك بولۇپ ئارام تېپىپ قالدىم…
بۆشۈكئايشە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۇ چاتقاللىق ئىچىدىن ئېتىنى چاپتۇرۇپ چىققان ئىنىسىنى كۆرگەنىدى. بەگتۈرمىش ئېگەرنىڭ قوش بېشىغا بىر تۈلكىنى غانجۇغىلىۋالغانىدى.
— ئۇكام، مېنى بەك ئەنسىرىتتىڭ، ئاتامنىڭ بىردىنبىر يولەنچۈكى ئەمەسمۇ سەن… — دېدى ئۇ ئاتتىن چۈشكەن ئىنىسىنى قۇچاقلاپ.
— ئاتامنىڭ يولەنچۈكى ئەل، ئاچا، مەنلا ئەمەس، — بەگتۈرمىش ئېتىنى تېرەك شېخىغا باغلاپ قويۇپ سېلىنچىدا ئولتۇردى، — مانا بۇ ھېييار تۈلكىنى قوغلاپ سىلەردىن يىراقلاپ كېتىپتىمەن. ئۇ تۇتۇق بەرەمەي قۇيرۇقىنى قىسىپ قاچۇردى، مەن قوغلاۋەردىم. ئاخىر يادىن ئوق ئۈزۈپ يىقىتتىم، ئاندىن ئىزىڭلاردىن مېڭىپ سىلەرنى تېپىۋالدىم.
— مېنىڭمۇ تۈلكىدىن بىرنى ئوۋلىغۇم بار ئىدى، ئۇكام. ساپلا كېيىك، توشقان ئۇچراپ ئۇلارغا ئوق ئۈزگۈم كەلمىدى، — دېدى دىلداربىكە. بەگتۈرمىش دىلداربىكەنى دائىم كۆرۈپ تۇرمىغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغانىدى.
— سىلى بۇ يەردە بولغاندىكىن، خۇدا بۇيرۇسا، يەنە نەچچە قېتىم شىكارغا چىقىمىز، تۈلكىمۇ ئوۋلاپ قالىلا، — دېدى بەگتۈرمىش قىزغىنلىق بىلەن.
— نېسىپ بولماسمىكىن، ئۆنۈڭگىچە كېتىپ قالارمەن…
— دىلدار ئاچا، سىلى قوزغۇردۆدىن كەتەمەقچىمۇ؟ — دەپ سورىدى بەگتۈرمىش.
— ھەئە، ئۇكام، خۇدا بۇيرۇسا قىشنى چىقىرىپ، نورۇز مەشرىپىگە ئۈلگۈرۈپ ئوردۇكەنتكە يېتىپ بارماقچىمەن.
بۆۋىئايىشە چۆچۈگەندەك بولۇپ: — نېمە، ئاچا سىلى راستلا بىزنى تاشلاپ ئوردۇكەنتكە كەتكەچىمۇ؟ ئاتام شۇنداق يالغۇز تۇرسا؟! — دېۋەتتى. — ھەئە، سىڭلىم، بۇنىڭ سەۋەبى بار. ئاتا — ئانام ياشىنىپ قالدى، ئۇلارغا ئۆز قولۇم بىلەن كۆجە، كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ بەرگۈم بار. ئۇرۇق — تۇغقان، يارۇ دوستلىرىمنى، ئۇستازلىرىمنى سېغىندىم. ئوردۇكەنت تۇغۇلغان يۇرتۇم، سىڭلىم. بۇ يەردە تۇرغىنىم بىلەنمۇ بەگىيۈسۈپكە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيمەن … — دىلداربېكە يېقىندا ئوتلاۋاتقان ئاتلارغا قارىۋالدى. ئۇنىڭ ياشقا تولغان كۆز چاناقلىرى بەئەينى بۇلاققا ئوخشاپ قالغانىدى. — بۇ گەپلەرنى كېيىن ئۆيگە بارغاندا قىلىشۋالارمىز. ھازىرقى گەپ، يەنە شىكار قىلامدۇق ياكى قايتامدۇق؟ — دېدى بەگتۈرمۈش ئورنىدىن تۇرۇپ. — شىكار قىلايلى، ئۇكام. بىر تۈلكە ئۆلتۈرمىگۈچە ئۆيگە قايتمايمەن، — دىلداربېكە ئورنىدىن تۇرۇپ باغلاقلىق ئېتىغا قاراپ ماڭدى. — ماقۇل ئەمسە ! — ئاتقا مىنگەن بەگتۈرمۈش قامچىسىنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى. ئۇلار كەچكىچە توقايلىق، بوستانلىق، خىيابانلاردا خېلى كۆپ ئوۋ ئوۋلاشتى. دىلداربېكىنىڭ ئۇچۇرغان كېيىك، توشقانلارنى يەنە ئوۋلىغۇسى كەلمىدى. بەگتۈرمۈش بىرنەچچە كەكلىك، قىرغاۋۇل، بىر جەرەن ئېتىۋالدى. بۆۋىئايىشىنىڭ دىلداربېكىنىڭ ئوردۇكەنتكە كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئوۋ ئوۋلاشتىن رايى قايتتى. خامۇش ھالدا دىلداربېكىنىڭ كەينىدىن ئات يورغىلىتىپ، ئۇنىڭدىن نېرى بولمىدى. ئاتىسىنىڭ ئۆز خانىسىدە يالغۇز تۇرۇۋاتقانلىقى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ «دىلدار ئاچام بۇ يەردە تۇرۇۋەرسە بولاتتى، ئۇ كەتسە ئاتام تېخىمۇ يالغۇز قالىدۇ. خۇدا ئۇنىڭغا بىر ۋاپادارنى ھەمراھ قىلىپ بەرگىن» دەپ
ئىچىدە ئىلتىجا قىلدى. ئۇنىڭ دىلداربەكەنى ئانا قىلىۋالغۇسى بەكمۇ بار ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى.
كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا، تۇيۇقسىز بىر تۈلكە ئۇچراپ قالدى. دىلداربەكە يادىن ئوق ئۈزۈپ ئۇنى يىقىتتى.
2
بەگىيۈسۈپنىڭ كۈندىن - كۈنگە قىلىدىغان ئىشى، بارىدىغان يېرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى. چۈشكىچە ئوردىدا ھاجىبلىق كۆرسىدە ئولتۇرۇپ، دۆلەت ئىشى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئېلىكخان بىلەن كۆرۈشەتتى، مەسلىھەت بېرەتتى. چۈشلۈك تاماقنى ئۆيىدە يەپ، ياكى «بۇغراخان» مەدرىسىگە ياكى «رەيھانىيە» مەدرىسىگە بېرىپ ئىككى سائەت دەرس ئۆتەتتى. مەدرىسەدىكىلەر ئۇنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانىدى. ئاندىن رەستىگە بېرىپ، خىزمەتچىلىرىنىڭ سودا ئىشىنى كۆزدىن كەچۈرەتتى. ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ھال ئېيتىپ، ياردەم، مەسلىھەت سوراپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشەتتى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن بولسا ئۆز خانىسىدە يالغۇز قالاتتى. كىتاب ئوقۇيتتى، دېرىزىدىن گۈل - گىياھ، ئاي، يۇلتۇزلارغا قاراپ جەمئىيەت ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر قىلاتتى. تەجرىبە - ساۋاق، ھېكمەتلىرىنى كۆڭۈل قېتىغا يېزىشنى داۋاملاشتۇراتتى. ئۇنىڭ مۇلاھىزىسى دولقۇنلۇق دېڭىزدەك چوڭقۇر، پىكرى شامالدەك راۋان، خىيالى سامادەك چەكسىز ئىدى. قانداق چاغدا ئۇخلىغىنىنى بىلمەي قالاتتى.
ئۇ بۈگۈن كەچقۇرۇن قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگە باردى. بالاساغۇن شەھىرىنىڭ باش قازىسى، «رەيھانىيە» مەدرىسىنىڭ باش مۇدەررىسى بولغان ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇلغوپۇر مەخدۇم بۇ كۈيۆئوغلۇنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى.
رەيھانىيە مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان بەگتۈرمىش ئاتىسىنى كۆن
ئاشۇرۇپ كۆرۈپ تۇرسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا تاماقتا بىللە بولالمايتتى. بۇۋىئايىشە دىلداربىكەنىڭ يېنىدا كېسەل كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاچقا، ئاتىسى بىلەن مۇشۇ ئۆيگە كەلگەندىلا كۆرۈشەلەيتتى. ئۇنىڭ ئوغلى جانىپىدا غوجام بوۋىسىنى نەچچە كۈندە بىر قېتىم كۆرەلەيتتى.
شۇ تاپتا جانىپىدا غوجام ئۇنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالغانىدى. بەگتۈرمۈش ئۇنىڭ يېنىدا، بۇۋىئايىشە سول يېنىدا ئولتۇرۇشاتتى.
— ئاتا، چارچاپ كېتىپسىز — ھە؟ — دېدى بۇۋىئايىشە ئاتىسىنىڭ ياداڭغۇ چىرايىغا مېھرى بىلەن قاراپ، — كۆزۈڭلارغا كەلگەندىن بېرى جۈدەپ قېلىۋاتىسىلەر. سىلى بىز ئۈچۈن كېرەك، ئەل ئۈچۈن تېخىمۇ كېرەك. ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئايمىسلا، بىز ئاياپ بولالمايدىكەنمىز. ئاپام بولسىغۇ بۇنچىۋالا بولۇپ كەتمەيتتىلا. سىلى ھەمراھىدىن ئايرىلىپ قالغان قۇشتەك يالغۇز قالدىلا، جېنىم ئاتا …
— قىزىم، جان قىزىم، مەن شۇنداق تىمەن تۇرىمەنغۇ. نېمىشقا ئۇنداق يىغلايدىلا، يىغلىمىسلا بالام، خۇشال ئولتۇرۇسلا، سىلەر يېنىمدا تۇرساقلار، مەن قانداقمۇ يالغۇز بولاي قىزىم، — بەگىيۈسۈپ مۇلايىم سۆزلىرى بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇردى.
— سەن ئۆيۈڭدە يالغۇز تۇرىسەن — ھە، بوۋا؟ — دېدى جانىپىدا غوجام كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ.
يىغلاۋاتقان بۇۋىئايىشە ئوغلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۈلدى. بەگتۈرمۈشنىڭ چىرايىغىمۇ كۈلكە يۈگۈردى.
— كۈلۈڭلار بالىلىرىم، كۈلۈڭلار، سىلەرنىڭ كۈلمىگىنىڭلارغىمۇ ئۇزاق بولدى، — دېدى بەگىيۈسۈپ نەۋرىسىنىڭ مەڭزىگە، پېشانىسىگە سۆيۈپ، — سەن ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىۋاپسەن — ھە، بوغرام؟
— بىلىۋالدىم، بىلىۋالدىم. سېنى يالغۇز قويۇپ موماڭ نەگە
كەتتى، نېمىشقا كەلمەيدۇ بوۋا؟ — گۆدەك بالا ئۆھ تارتقان بوۋاينىڭ ساقىلىنى ئوينىدى.
بەگىيۇسۇپنىڭ كۆز چاناقلىرىغا ياش توشتى. بۇۋىئايشەنىڭ ئېتەكلىرىگە ياش تاراملىدى. بەگتۇرمۇش ئاتىسى، ئاپىسىغا قاراپ كېتىپ، بىر نېمە دېمەكچى بولدى — ياق، ئورنىدىن تۇرۇپلا ئىتتىك چىقىپ كەتتى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم، ھاۋاخان ئاغىچا بىر — بىرىگە قارىشىپ ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.
ھېلى چۆچۈك تىلى بىلەن ھەممىلەنى كۈلدۈرگەن گۆدەك باشقىلارنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ يىغلىۋەتتى.
— بالام، — دېدى بەگىيۇسۇپ ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كېيىن، — موماڭ جەننەتكە كەتتى … ئۇ يەردە ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ.
— جەننەت دېگەن ئۆيمۇ، باغمۇ، بوۋا؟ — جانىبىدا غوجام يىغىسىنى توختىتىپ سورىدى.
— جەننەت دېگەن خۇدايىمنىڭ بېغى، بالام.
— جەننەتتە ئۈزۈم بارمۇ، بوۋا؟
— ئۈزۈم، بار، بالام، يەنە ئانار، ئەنجۈر، شاپتۇلمۇ بار.
— جەننەتتە كۆل بارمۇ، بوۋا؟
— بار، بالام.
— تايچاقمۇ بارمۇ؟ تايچاق بولسا مەن مىنىپ كۆلدە سۇغۇراتتىم.
ھەممىلەرنىڭ چىرايىدا كۈلكە پەيدا بولدى.
— جەننەتتە تايچاققا ئوخشايدىغان دۇلدۇل بار.
— جەننەتتە تايچاق بولمىسا مەن پىيادە ماڭامدىمەن؟
— دۇلدۇلنى مىنسەن، بالام. دۇلدۇل ماڭمايدۇ، ئۇچىدۇ …
— ئۇچامدۇ؟ — گۆدەك خۇشال بولۇپ سەكرىدى، — مەن دۇلدۇلنى مىنىپ ئۇچىمەن، ئۇچىمەن … بىزمۇ ئاشۇ جەننەتكە كەتسەك بولمامدۇ، بوۋا؟
— بىزمۇ بىر — بىرلەپ بارىمىز، بالام.
— بىز مۇ جەننەتكە بارىدىكەنمىز، مو مامنى كۆرىدىكەنمىز، — جانىبىدا غوجام ئوياقتىن — بۇياققا يۈگۈرۈپ قېن — قېنىغا پاتماي خۇشال بولۇپ كەتتى، — بوۋا، سېنى تايچىقىمنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ ئوينەتسام خوش بولامسەن؟ ھەممىيلەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن كۈلۈشۈپ كەتتى. قايتىپ كىرگەن بەگتۈرمىش ئۆيدىكىلەرنىڭ خۇشال ئولتۇرغىنىدىن ھەيران قالغان ھالدا ئۈن چىقماي يۆتۈلدى. ئۇ كەم سۆز، ئېغىر — بېسىق بولغاچقا، چوڭلارنىڭ پارىڭىغا ئارىلاشمايتتى. ئانىسىنىڭ يولدا قازا قىلغانلىقى ئۇنى ئارماندا قويغانىدى، شۇ سەۋەبتىنمۇ تېخىمۇ جىمغۇر بولۇپ قالغانىدى. بەگىيۈسۈپ بۇ ئوغلىنى روھىي جەھەتتىنمۇ تاۋلانسۇن، دەپ دائىم ئالىپ ئەرتۇغرا، ئوغۇزخان، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ باھادىرلىقى، ئېسىل پەزىلەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. «جانىبىدا غوجام» نىڭ خەلقنى قانلىق ئازاب — ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئۆز بېشىنى تەقدىم قىلغانلىقى، ئاكىسى بەگتۈرمىشنىڭ جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغانلىقى، ئۇنىڭ نامىنى ئۆچۈرمەسلىك مەقسىتىدە ئۆزىگە «بەگتۈرمىش» دەپ ئات قويغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. بۇ گەپلەر بۇ ياش يىگىتنىڭ قەلبىگە تاشقا مۆھۈر ئويغاندەك ئورنىشىپ قالغانىدى. شۇ تاپتا، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى غەمناك بولۇپ قالغان ئاتىسىنىڭ خۇش ئولتۇرغىنىدىن شۇنداق سۆيۈنگەن بولسىمۇ، يەنىلا زوۋان سۈرمەي، ھاۋاخان ئاغىچا بىلەن ئاچىسى ئەتكەن نېرىن چۆپنى ئىشتىھا بىلەن يېدى. دۇئادىن كېيىن ئورنىدىن قوپقان بەگىيۈسۈپكە: — ئاتا، سىلىنى مەن ئاپىرىپ قوياي، — دەپ بىللە ئوزاپ چىقتى. — بالام، ئەتە ئاتاساغۇن دىلداربەكە بىلەن كۆرۈشكىلى بارىمەن. سىلى كەتمەي تۇرسىلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئىشىك
ئالدىدا قىزىغا. — ماقۇل، ئاتا، — بوۋىئايىشە ئارقىسىدىن قاراپ قالدى.
3
بېگىيۈسۈپ خوپتەنگە يېقىن ئوغلى بىلەن ئۆيىگە كەلدى. بەگتۈرمىش دەرس تەكرارلايمەن، دەپ باغ ئىچىدىكى ئاتىسىنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. يالغۇز قالغان ئاتا كىتاب ئوقۇشقا تۇتۇندى. قەندىلدىكى شام پىلىلداپ يېنىپ تۇراتتى. تۈن شامىلى دېرىزىنى يېنىك چېكەتتى، كۆكتىكى ئاي توغلۇقتىن ماراپ، ئوقۇغانلىرىدىن خاتىرە يېزىۋاتقان بېگىيۈسۈپنىڭ سەل تۆرۈلگەن پېشانىسىنى ئاق نۇرى بىلەن سىلايتتى. ئۇ كىتابتىن كۆزىنى ئۈزۈپ، مەرھۇم ئاقبىرانىڭ ئىلگىرىكى ئىسسىقلىق ئەتەلس كۆڭلىكى بىلەن قاما تومۇقىغا تەلمۈرۈپ قالدى. «ئەجەب بېۋاقىت ئايرىلىپ قالدىم، بەك ئۇشتۇمتۇت بولدى، بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىغان بولسام كاشكى … تەڭرىم بۇ جۇدالىق بىلەن يېقىن قولۇمنى سىنىماقچى بولدى. مەن چىدايمەن. سەۋر — تاقەت ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن، ئۈمىدسىزلەنمەيمەن … تەڭرىم، بالىلىرىم جۈرئەت — غەيرىتىمدىن ئۆلگە ئالسۇنكى، غەم — ھەسرەت دەشتىدە ئاھ چەككىنىمنى كۆرمىسۇن، روھسىزلانمىسۇن …» دەپ ئىلتىجا قىلدى. ئۇ قوپۇپ ئاسقۇدىكى قىلىچنى غىلاپتىن سوغۇردى. چىراغ يورۇقىدا قىلىچنىڭ بىسى يارقراپ شولا چاچتى. بۇ قىلىچ ئاقبىرا قابان بىلەن ئېلىشقاندا چاپقان قىلىچ ئىدى. قاباننىڭ قولىنى مۇشۇ قىلىچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلىغان ۋە ئۇنى مەھكەم تۇتقان ھالدا جان ئۈزگەنىدى … بۇ ئۆيگە كىرسە — چىقسا، قىلىچ ھەم كىيىم — كېچەكلەر ئۇنىڭغا ئاقبىرانى — دۇنيادا يارىتىپ سۆيگەن جاناننى ئەسلىتىپ تۇراتتى. ھەر قېتىم باققاندا، ئۇنىڭ يۈرەك تارىنى جۇدالىق قايغۇسى ئۈزۈپ تاشلايتتى. نەچچە قېتىم قىلىچ، كىيىم — كېچەكلەرنى ساندۇققا
سېلىۋەتمەكچى بولدى - يۇ، كۆڭلى ئۇنىمىدى. گويا ئۇ نەرسىلەر ئاسقۇدا تۇرمىسا بولمايدىغاندەك، ئۆي ئۆز خانىسىغا ئوخشىمايدىغاندەك، مۇھىم بىرنەرسىسى كەم بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ ئۇلارغا تەگمىگەنىدى. ھەقىقەتەن ئۇ نەرسىلەر بۇ ئۆينىڭ قىممىتى ھەم ئەتىۋارلىق زىننىتى ئىدى.
بەگىيۇسۇپنىڭ ئويلايدىغىنى، قىلماقچى بولغانلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى، كۈندىلىك ئىشلارنى قىلىشقىمۇ ۋاقتى يېتىشمەيتتى. پەقەت كېچىسىلا ئويلاشقا، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ۋاقىت چىقاتتى. ئۇ پادىشاھ، سۇلتاندىن تارتىپ، ئاددىي پۇقرىغىچە ئويلايتتى، پىشىپ يېتىلگەن پىكىرلىرىنى كۆڭۈل قېپىغا خاتىرىلەيتتى، شېئىر قىلىپ پۈتەتتى…
بەگىيۇسۇپ جۇدەپ قالغان بولسىمۇ، ناھايىتى روھلۇق ئىدى. غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى، چېھرىدە نامايان بولۇپ تۇرغان ئۈمىدۋارلىق، غەيۇرلۇق ئۇنى يەنىلا يېقىملىق كۆرسىتەتتى.
بەگىيۇسۇپ بۈگۈن كېچە خېلى ئوبدان ئۇخلىدى. چۈشمۇ كۆرمىدى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، «رەيھانىيە» مەدرىسىدىن يېنىپلا مەرھۇم ئادامتۇغرۇلنىڭ قورۇسىغا كەلدى. پاكىز سۈپۈرۈلگەن ھويلىنىڭ گىلەم، يىپەكەنداز سېلىنغان پېشايۋان سۇپىسىدا بىر قانچە ئايال ئولتۇراتتى. ياشىنىپ قالغان بىر كىشى كۆرپە سېلىنغان كۆتۈرمىگە ياتقۇزۇپ قويۇلغانىدى.
بەگىيۇسۇپ «تېخىچە كېسەل كۆرۈنۈپتۇ - دە، سەل تەخىر قىلىپ تۇرسام بولغۇدەك» دەپ ئويلاپ، ئارازان ئاغىچىنىڭ خانىسىغا قاراپ ماڭدى. كېتىۋېتىپ ئايۋان دېرىزىسىگە كۆزى چۈشكەندە، كېسەل تەكشۈرۈۋاتقان دىلداربەك بىلەن قىزنى كۆردى. ئەمما، ئۇلارنى كۆرۈپ قالالمىسۇن دېگەندەك قەدىمىنى تېزلەتتى. گۈللۈكنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، دالان ئۆيگە، ئاندىن ئارازان ئاغىچىنىڭ خانىسىغا كىردى، جاينامازدا ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان موماي ئېتىك دۇئا قىلىپ قوپتى.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاغىچا ئانا، تەنەن تۇرامدۇلا؟
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇرۇغ بالام، خۇداغا شۈكۈر. دىلدار خېنىمنىڭ شاپائىتىدىن ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن. ئولتۇرۇسلا، — دېدى موماي ئۆز دېدىكىنى چاقىرىپ، چاي — گېزەك ئېلىپ كىرىشنى ئېيتتى.
بەگىيۈسۈپ يۈكۈنۈپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ دۇئا قىلدى، ئاندىن:
— سالامەتلىكلىرى ياخشىلىنىپ قاپتۇ — دە، ئاغىچا ئانا. سىلىنى بۇ ھالدا كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم، — دېدى.
دېدەك داستىخان سېلىپ، قەنت — گېزەكلەرنى قويدى. چاي قويۇپ، نان ئۇشتۇدى.
— ۋاي بالام. مەن بۇنداق تۇرارمەن، دەپ ئويلىمىغانىدىم، — دېدى ئانا، — خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دىلداربىكە خېنىم بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغاندىن باشلاپ، كۈندىن — كۈنگە كېسىلىم ياخشىلاندى، ئىشتىيىمىمۇ ئېچىلدى، روھىممۇ كۆتۈرۈلدى. خۇددى قىزىمدەك كېچىچە تەرىتمگە قاچا تۇتۇپ، ئۇچامنى سىلاپ دەردىمگە دەرمان بولسا، كۈندۈزى دورا ئىچۈرگەندىن باشقا، ماڭا ئايرىم تاماق ئېتىپ بەردى … سۆزىنىڭ شېرىنلىكى، سىلىقلىقىنى بىر دېمىسلا، ئەگەر بۇ قىزىم ئوردىدىن كەلمىگەن بولسا، بۇ چاغقىچە ئادامتۇغرۇل ئاكىلىرىڭنىڭ يېنىغا كېتىپ بولاتتىم … توۋا، ساقىيىپلا قالدىمغۇ، شۇنچە ئېغىر مۇسىبەت، دەرد — ئەلەملەرنى تارتىپ، بۇنداق ئوڭلىنىپ كېتىشىمگە دىلداربىكە خېنىم بالام سەۋەب بولدى …
بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ «دىلداربىكەنىڭ قوزغۇنلۇققا كەلگىنى خاسىيەتلىك ھەم مۇبارەك قەدەم بولغانىكەن» دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى.
ئارازان ئاغىچا ئۆزىدىن بۇرۇن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چىقتى. سۇلايمان ئارسلانخان تەختتىن چۈشكەندىن بۇيان، خان جەمەتىدىنمۇ، ئوردا ئەمەلدارلىرىدىنمۇ، ئاۋام ئىچىدىكىلەردىنمۇ كۆپ ئادەم ۋاپات بولغانىدى، مەرھۇملار بىر —
بىرلەپ بەگىيۈسۈپنىڭ كۆز ئالدىغا كەلدى …
ئوردۇكەنتكە كېلىپ، قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ ئارامگاھى بولغان دۆلەتباغ تۇراسىدا تۇرۇۋاتقان مەنسۇرخان ۋە بەگتۇتۇق، ئېلىكبەگ، ئادامتۇغرۇل، ئۆدمىش قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. سۇلايمان ئارسلانخان دەۋران سۈرۈۋاتقان چاغلاردا ۋاپات بولغان رەيھاندىنبەگ، بەگتاش داموللا، قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بويانقار، يارۇقمۇ ئۇنىڭ ئېسىگە چۈشۈپ، يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇشقا باشلىغاندا، بۇۋىئايىشە كىردى.
— ئاتا، تازا ساقلىتىپ قويدۇق — ھە. دىلداربىكە ئاچام كېسەللەرنى تېخى ھېلىلا كۆرۈپ بولۇپ يولغا سالدى. كېيىم يۆتكەپ ئالدىلارغا كىرمەكچى. بىز سىلىنى دەرىزىدىن كۆرگەنىدۇق، — دېدى ئۇ ئاتىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ.
— تازا ھارغانسىلەر، بالام، — بەگىيۈسۈپ ئېرىدىن ياشلا تۇل قالغان بۇ غەيۇر قىزىنىڭ مۇڭلۇق چېھرىگە نەزەر سالدى.
بۇۋىئايىشە ئىلگىرىكىدىن روھلىنىپ قالغان، چىرايىدىكى سېرىقلىقمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. لېكىن، ھازىرلىق قارا كېيىم تېخى ئۈستىدە ئىدى، شۇڭا غەمكىن چېھرىمۇ سولغۇن كۆرۈنەتتى.
— ھارمىدۇق ئاتا، كېسەل كۆرۈش، دورا بېرىش بىلەن كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىمىز.
— بۇ بالاممۇ ئاتاسىغۇن خېنىمدەكلا كېسەل كۆرۈپ داۋالىيالايدىكەن. بىردەم يېنىمغا كىرگەن، بىردەم كېسەللەرنىڭ قېشىغا چىققان، دورا تەگىشكەن، قايناتقان، ئۈچۈرگەن … كېچىچە زادى تىنىم تاپمايدۇ، — ئارازان ئاغىچا كۆڭلىدىكىنى دېگەچ، چاي قويۇپ ئونىڭغا سۇندى.
— ئەنە، ئۇستازىممۇ كىردى، — دەپ قوپقان بۇۋىئايىشە قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. بەگىيۈسۈپمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېگىلىپ سالام بەرگەن دىلداربىكەنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئونىڭ يۈزىگە تارتىقلىق چۈمبەلنى ئالماي
ئولتۇرغىنىدىن سەل قىسىلغان بولسىمۇ، سەمىمىي ھال سوراپ:
— ئۆزلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرالمىدۇق، دىلداربىكە. ئوبدان دەم ئالدۇرۇپ، سەيلە ساياھەت قىلدۇرارمىز، دەپ ئويلىغان بولساقمۇ، كېسەل داۋالاش بىلەن بولۇپ كەتتىلە، جاپا تارتىپ قالدىلا، قوزىقوردۇنىڭ ھاۋاسى ياققاندەك تۇرامدۇ؟ قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇلا؟ — دېدى.
— قوزىقوردۇغا كەلگىنىمدىن ناھايىتى خوشمەن، بەگىيۈسۈپ ئاغا. خۇددى قونچۇينى ھۆرمەت قىلغاندەك ئىززەتمنى قىلىشىۋاتىدۇلا. پېقىرە ئۈچۈن راھەت پاراغەت بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس، — دىلداربىكە جاۋاب بېرىپ بېشىنى ئەگدى.
— بالام، ھەممىمىز ئۆز بولغاندىن كېيىن چۆمبىلىنى ئېلىۋەتسەڭلا، — دېدى ئونىڭغا چاي سۇنۇپ ئارازان ئاغىچا.
دىلداربىكىنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى. رومال ئىچىدە بولغاچقا ھېچكىم كۆرمىدى.
— ئاغىچا ئانا، شۇنداق ئولتۇرسام ئۆزۈمنى ئازادەرەك سېزىدىكەنمەن، — ئونىڭ چۆمبەل توسۇپ تۇرغان چىرايى باشقىلارغا پىنھان بولغىنى بىلەن، ئۆزى ھەممىلەنى كۆرۈپ تۇراتتى.
«بەگىيۈسۈپ تارتىلىپ قاپتۇ، ھاجىپ بولۇپ خىزمىتى كۆپىيىپ كەتكەن بولسا كېرەك. ئۆمۈرلۈك مەھبۇبىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغاچقا، ياخشى ئارام ئالالمايۋاتقان ئوخشايدۇ. ئۆمۈر بويى شۇنداق ئۆتەرمۇ؟ بويتاق ئادەم كۈندۈزى ئاۋام ئىچىدە بولسىمۇ، كېچىسى بېرىبىر يالغۇز…»
— دىلداربىكە، قىزىم سىلىنى ئىسسىقكۆل بويىغا ئاپىرىپ، دەم ئالدۇرۇپ كەلسۇن، بولامدۇ؟
بەگىيۈسۈپنىڭ سوئالى ئونىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى.
— مېنىڭمۇ ئىسسىقكۆلنى بىر كۆرگۈم بار ئىدى. ئەمما، بۇ يەردىكى كېسەللەر يولۇمغا قاراپ قالارمىكىن…
— ئانداق بولسا ئايسىلىڭ ئاچامنىڭ بالىلىرى ئېلىپ
بارسۇن. قىزىم بۇ يەردە كېسەل داۋالاپ تۇرسۇن، — بەگىيۈسۈپ نەزىرىنى بۇۋىئايىشىگە قاراتتى، — بالام، دىلداربىكە بولمىسىمۇ، كەلگەن كېسەللەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدىلا؟ بۇۋىئايىشىنىڭ ئورنىغا دىلداربىكە جاۋاب بەردى: — چىقالىدو، بەگىيۈسۈپ ئاغا. بۇۋىئايىشە ئۆزىنى بىر سىناپ باقسۇن. ئىسسىقكۆلگە بېرىپ كېلەي، سوغۇق چۈشۈپ قالسا بارالمىغۇدەكمەن. بۇ يىل بارالمىسام، ئوردۇكەنتكە كەتسەممۇ ئارماندا قالغۇدەكمەن. بەگىيۈسۈپ ئونىڭ ئاخىرىدا ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. «دىلداربىكە راست كېتىپ قالارمۇ؟ ئۇ كېتىپ قالسا…» — ئاتا، ئاڭلىدىلمۇ، ئاتاساغۇن ئاچام كېلەر يىلى ئەتىيازدا كېتىدىكەن، — دېدى بۇۋىئايىشە، ئۆيلىنىپ قالغان ئاتىسىغا ئىلتىجا بىلەن قاراپ، — شىكارغا چىققان كۈنىمۇ نورۇز مەشرىپىگە ئۈلگۈرۈپ، ئوردۇكەنتكە يېتىپ بارمىسام بولمايدۇ، دەپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغانىدى. ئارازان ئاغىچا كۆزلىرىگە ياش ئالدى. — كەتكىلى قويمايمىز، قىزىم، دىلداربىكە كەتسە ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. كەتسىمۇ خېنىم بالام. سىلى كەتسىلە مەن قانداق قىلىمەن؟ — دېدى ئۇ دىلداربىكىنىڭ دولىسىنى سىلاپ. — ئاغىچا ئانا، سىلىگە، بۇ يەردىكى كېسەللەرگە خۇدايىم بار. ئاتا — ئانام تۆت كۆزى بىلەن مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، كەتمىسەم بولمايدۇ. كۆڭۈللىرىنى ھەرگىز يېرىم قىلمىسىلا. بەگىيۈسۈپ قىزىنىڭ نەزىرىدىكى ئىلتىجانى چۈشەنگەندى. شۇڭا، دىلداربىكەگە كەتمەسلىك توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرمەكچى بولدى — يۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ: — دىلداربىكە ئەتلا كەتمىگەندىن كېيىن، ئۇ توغرۇلۇق ھازىرچە باش قاتۇرمايلى، ئوبدان دەم ئالدۇرۇش، ياخشى كۈتۈشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئونىڭ خىزمىتىگە قولايىلق
شارائىت تۇغدۇرۇپ بېرىلى. قىزىم، سىلى بۇنى ئېسىلىرىدىن چىقارمىسىلا، دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىكنى كۆتۈرۈۋەتتى.
بەگىيۈسۈپ دىلداربىكە ۋە ئارازان ئاغىچا بىلەن خوشلىشىپ ئۇزاپ چىققاندا، ھىلال ئاي يۇلتۇزلار بىلەن تولغان ئاسمانغا يېڭىلا كۆتۈرۈلگەنىدى.
4
دىلداربىكە خوتۇن قىزلارنى داۋالاشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ كەسىپكە ئىشتىياق باغلىغاندا، ئۆمۈرۋايەت ياتلىق بولماسلىق ئىراىدىسىگە كەلگەنىدى. ئاتا ئانىسىنىڭ بەگىيۈسۈپكە بېرىش ئارزۇسى ئۇنىڭ ئاقىبەت ئۆيلىنىشى بىلەن يوققا چىققانىدى، ئۇلار قىزىنىڭ بۇ كەمگىچە ئەركە تېگىشنى رەت قىلىپ يالغۇز ئۆتۈۋاتقىنىدىن ئەپسۇسلىناتتى، گەپكە كىرىشمەكچى بولسا مەيلىگە قويۇۋېتەتتى. كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئېمچى ھەكىم بولۇپ قالغاندا، قىزىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇشتى …
دىلداربىكە ھەر قېتىم خوتۇنلارنى تۇغدۇرغاندا، ئۆزىنىڭ ئايال زاتىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىچى ئاچچىققا تولاتتى. «نېمىشقا مەن شۇر پېشانە؟ نېمە ئۈچۈن ماڭا كۆڭلى يوق ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم؟ نېمىشقا ئۇنىڭدىن سۆيگۈ رىشتىنى ئۈزەلمەيمەن؟ نېمىشقا مېنى ياخشى كۆرگەنلەرگە ياتلىق بولغۇم كەلمەيدۇ؟ نېمىشقا، زادى نېمىشقا؟ …» بۇ سوئاللار گويا پەرۋانە چىراغنى ئايلىنىپ كېتەلمىگەندەك، ئۇنىڭ غەمكىن بېشىدىن نېرى بولمايتتى.
ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن نۇرغۇن لايىقلار چىققانىدى، بۇ لايىقلار ئىچىدە بۇغراخانلار جەمەتىنىڭ شاھزادە، بەگلىرىمۇ، ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ، نام قازانغان سانغۇن، سەركەردىلىرىمۇ، بېيىغان
زەردارلارمۇ، دەھكار سودىگەر، كاسىپلارمۇ بار ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ ھېچقايسىسىغا كۆڭلى چۈشمىدى. ئۇنىڭ ناتىۋان كۆڭلى بىرلا كىشىدە ئىدى، ئۇ كىشى خوتۇن ئېلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي كېلىۋاتاتتى… يىگىرمە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ قىز پېتى ئۆمرىنىڭ قاراڭغۇ دەھلىزىگە قەدەم قويدى. تۈرلۈك - تۈمەن ئۆگە، پاجىئەلەرنىڭ شاھىتى بولدى. كېيىن كۆڭلىنىڭ تۈزلۈكىدىن ئۆزى خالاپ بالاساغۇن سەپىرىگە ئاتلاندى. جان - دىلى بىلەن ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۈگۈ بىلگىنىڭ خوتۇنى بولسا سوۋۇقستىكە ئۇچراپ قازا قىلدى. ئۇ بۇ كۈتۈلمىگەن پاجىئەدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى، ھەتتا ئارقىسىغا يېنىپ كەتكۈچىمۇ بولدى، ئىككى قوللۇق، ئىككى پۇتلۇق مەخلۇقلارنىڭ سۆز - چۆچەك قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاق كۆڭۈللۈكى ئۈستۈن كېلىپ ئېھتىيات سىزىقىدىن چىقماي بالاساغۇنغا كەلدى. تۇرمۇشى توغرۇلۇق قىلچە ئۈمىدلىنىپ باقمىدى. شۇڭا، بەگبۇقا قورۇسىدا تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، ئادامتۆغرۇلنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدى. ئۇ پاك نامىغا داغ تەگكۈزۈشنى ھەرگىز خالىمايتتى.
بۇ گۈزەل ئاستانىگە ئاياغ باسقاندىن بېرى، قەشقەردىلا شاگىرت قىلىپ تەربىيەلەشكە باشلىغان بۇۋىئايىشە بىلەن بىللە، كېسەل داۋالاشنى ئارازان ئاغچىدىن باشلىغانىدى. دەسلەپ ئاياللارنىلا داۋالىغان بولسا، كېيىن گۆدەك بالىلار، ياشانغان بوۋايلارمۇ قايتۇرماي داۋالىدى. كۈن ئۆتكىنىسېرى نامى چىقىپ، ئابرۇيى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. خان جەمەتىنىڭ مەلىكە خانىملىرى، ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بالىچاقىلىرىمۇ كېسەل كۆرسىتىشكە كېلىدىغان بولدى. ئەتىگىندىن - كەچكىچە كېسەللەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئۇنىڭ تاماق يېيىشكىمۇ چولىسى تەگمەيتتى.
بەگىيۈسۈپنىڭ تۇل قالغان ئاچىسى ئايسىلىگ ئىككى قىزى، ئىككى ئوغلى، دەدە-ئانىلىرى بىلەن ئونى ئىسسىقكۆل بويىغا ئېلىپ
بېرىپ بىر ھەپتە تۇرغۇزۇپ كەلدى. ئىسسىقكۆل سەپىرى ئۇنىڭ ھاردۇقىنى خېلىلا چىقىرىپ قويدى.
بالاساغۇن دىيارىنى ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزگەن كۈز چىقىپ، قىش كىردى.
بەگىيۈسۈپ ھەپتىدە بىر - ئىككى قېتىم دىلداربىكەدىن ھال سوراپ كېتەتتى. ئۇ كەلسىلا دىلداربىكەنىڭ ئارامى بۇزۇلاتتى، باغرىغا ئوت كەتكەندەك بولۇپ، ۋۇجۇدىغا تىترەك تولۇشاتتى. ئۇنىڭغا قارىيالمايتتى… شۇڭا ئۇنىڭ ئازراق كېچىكىشىنى تىلەيتتى، كۆرمىسە كۆرگۈسى كېلەتتى، كۆرسە بىر يەرگە قېچىپ كەتكۈسى كېلەتتى. ئۇنىڭدىكى بۇ ئاجايىپ روھىي ھالەت ئۆزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى…
بارغانسېرى ئېغىر كېسەللەر ئەۋجىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بۈگۈن ئارازان ئاغىچىنىڭ ھۇجرىسىدا ئەتەگلىك چاي ئىچىۋاتقاندا، دېدەك قىز كىرىپ:
— بىر بىمار كىشى كەلدى، ناھايىتى سالاپەتلىك ئادەم ئىكەن، تېخى يېنىدا بىر قانچە خىزمەتچىسىمۇ بار، — دېدى، دىلداربىكە:
— چىقىپ ئېيتىڭ، ئەر ئاتاساغۇننىڭ يېنىغا بارسۇن، — دەپ چىپىنى ئۆچۈردى.
ئارازان ئاغىچە جىمجىت نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى:
— بالام چىقىپ باقسىلا، يىراقتىن كەلگەن بولمىسۇن يەنە. گەپىنى ئاڭلاپ باقسىلا، كۆڭلى ئازار يەپ قالمىسۇن.
— ئاغىچا ئانا، كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بەزى بەزەڭ ئەرلەردىن جاق تويدۇم، يا كېسەلنىڭ تەينى يوق، يا ئېيتقان گەپىنىڭ، كېسەل بولمىسا نېمىگە كېلىشىدىكەن؟ — دىلداربىكە ئاچچىقلانغاندەك بولۇپ باش چايدى.
دېدەك قىز يەنە كىردى:
— ئاتاساغۇن خېنىم، ئۇ ئادەم مەن ئېلىكخاننىڭ يۇغۇروش بېشى، كېسىلىم ئېغىر، كۆرۈپ قويسۇن، بولمىسا كەتمەيمەن،
دەپ ھويلىدا قالدى.
دىلداربىكە دۇئا قىلىپ قوپتى. ياتىدىغان خانىسىغا چىقىپ قاما تومىقىنى، تاۋار نىمچىسىنى كىيىپ، يىپەك رومىلى ئۈستىدىن قارا پەرەنجىسىنى تارتتى. يۈزىگە چۈمبەل تارتتى. مېھمانخانىغا چىقىپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا تارتىلغان دەرپەردىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئولتۇرۇپ:
— كىرسۇن، — دېدى.
كەچكەت تۇماق، قاپلان تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا كىيىپ، ئىچىدىن قىلىچ ئېسىۋالغان سالاپەتلىك ئادەم پەردە ئالدىغا كېلىپ سالام بەردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم. پېقىر قوزغۇردۇ ئېلىكخانىنىڭ يوغروش بېشى بولىمەن. ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نامىنى ئاڭلاپ سالام بەردىلى، باشقا ئاتاساغۇنلار داۋالىيالمىغان كېسىلىمگە داۋا تاپقىلى كەلدىم. مالال قىلغان بولسام كەچۈرگەيلا.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يوغروش بېشى، ئولتۇرغايلا.
باش ۋەزىر ئۈچ قات سېلىنغان يەكتەندازغا چۆكۈپ ئولتۇردى. دىلداربىكە:
— پېقىر خوتۇن قىزلارنىلا داۋالاپ كېلىۋاتقان نالاياق ئاتاساغۇن بولىمەن. بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى گۆدەك ھەم ياشانغان ئەرلەرنىمۇ كۆرۈپ، داۋالىغىنىم راست، ئەمما جاناپلىرىدەك تەمبەل كىشىلەر يەنىلا ئەر ئاتاساغۇنلارغا كۆرۈنگىنى ئوبدان. ھەربىيلەرنى داۋالاشقا بىلىمىم ئازلىق قىلىدۇ، كەچۈرگەيلا، — دېدى دەرپەردىگە چۈشكەن كۆلەڭگىگە قاراپ.
ئۇھ تارتىش ۋە ئېغىر پۇشۇلدىشتىن كېيىن:
— ئانداق دېمىسەلا ئاغىچا خېنىم، ئۆزلىرى لوقمان ھەكىمدىن قېلىشمايدىغان بۈگۈ بىلگە ئىكەنلا. ئاڭلىشىمغا قارىغاندا، پەرۋەردىگار ئالەمنىڭ شەپقەت ئېنايىتى بىلەن
دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بېرى، ھۆر - غىلماندەك پاك كېلىۋېتىپىلا. مۇشۇ تۆپىلىمۇ نۇرغۇن ئېغىر بىمارلار قوللىرىدا شىپا تېپىپتۇ. يېقىن ساغلام، زەبەردەست كۆرۈنگىنىم بىلەن، كېسىلىم ئېغىر، كېچىسى ئارامخۇدا ئۇخلىيالمايمەن، كۈندۈزى قولۇم ئىشقا، ئاغزىم سۆزگە بارمايدۇ، بەك قىينىلىپ كەتتىم. شەپقەت قىلىپ تەكشۈرۈپ باققايلا، دېگەن سۆز ئاڭلاندى ۋە تۈكلۈك بىر قول دەھلىزنىڭ گىلەملىك تېگىپ تۇرغان يېرىدىن ئوزارتىلدى، تومۇرۇمنى تۇتۇپ باققان بولسىلا.
دىلداربېكە نېپىز يىپەك پەلەينى كىيىپ، ئۇنىڭ يېپىنچا تۆرۈۋېتىپ، تومۇرنى تۇتتى.
يەنە بىر قوللىرىنىمۇ ئوزارتسىلا، دېدى ئۇ.
قۇتلۇقبەگ يەنە بىر قولىنى ئوزارتتى.
دىلداربېكە تومۇر تۇتۇپ كۆرۈپ قويۇۋەتتى، چىرايىدا مەسخىرە كۈلكىسى پەيدا بولدى:
يۇغرۇش بېشى جاناپلىرى، تومۇرلىرى تېكىشى، راۋان سوقۇۋېتىپتۇ. يۈرەكلىرى ياخشى ئىكەن، ئۆپكىلىرىدىمۇ مەسىلە يوق. باشلىرى ئاغرىمايدىكەن. ئاشقازانلىرى ياخشى ئىشلەيدىكەن، گۆشكە، بولۇپمۇ قوش گۆشكە ئامراقتەك قىلىدۇلا. ئومۇمەن، ئىچكى ئەزالىرى بېجىرىم ئىكەن، ئۆزلىرىنى ئوبدان كۈتىدىكەنلا، ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
«قارا بۇنى، بىلىۋالدى، قوش گۆشكە ئامراق ئىكەنلىكىمنى، ئۆزۈمنى ئوبدان كۈتىدىغانلىقىمنى بىلىۋالدى. لېكىن، خوتۇن - قىزلارغا ئامراق ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالالمىدى. باشقىلار تەرىپلىگەندەك قابىل ئەمەس ئىكەن. سۆزىنىڭ شېرىن - سۆخىلىكىگە قارىغاندا، ئۆزى بەك ئۆز بولسا كېرەك، چېھرىنى بىر كۆرسەم بولاتتى…» دەپ ئويلىدى قۇتلۇقبەگ.
ئۇ دىلداربېكە توغرۇلۇق نەچچە يىل بۇرۇنلا قەشقەرگە بېرىپ - كېلىپ تۇرغان سودىگەرلەردىن ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭغا غايىبانە قىزىقىپ قالغانىدى. دىلداربېكەنىڭ بەگىيۈسۈپلەر بىلەن
بالاساغۇنغا كەلگەنلىكىنى، خوتۇن - قىزلارنى داۋالاۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۆزىگە ئايال تېپىپ بېرىدىغان دەللال جۇۋاننى بىر قانچە قېتىم ئەۋەتكەنىدى. يالغان كېسەل بولۇۋالغان دەللال دىلداربەكەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن لەطىپ، بىلىملىك، نازاكەتلىك، مەلىكە سۈپەت قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەيرەتتە قالغان، ئەمما ئىشقۋازلىقتىن گەپ ئېچىشقا پېتىنالمىغانىدى. بۇنى ئاڭلىغان قۇتلۇقبەگ ئاخىرى ئۆزى بېرىپ سىناپ باقماقچى بولدى. كېلىپ بىلدىكى، بۇ تېپىپ قىز ئاسان ئۆندەككە كېلىدىغاندەك ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ بىر ئۇرۇنۇپ كۆرمەكچى بولدى.
— ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، ئوبدانراق تەكشۈرۈپ باقسىلا، باشقا ئاتاساغۇنلار بىلەلمىگەن كېسەلنى تېپىپ چىقسىلا ئەجەب ئەمەس. داۋالىنىشىم ئۈچۈن قانچە خىراجەت كەتسە مەيلى، ساقايساملا بولدى، — ئۇ بىر خالتىنى دەربەندنىڭ تېگىدىن كىرگۈزدى، — ئاز بولسىمۇ قوبۇل كۆرۈپ، دورا ياساشقا راسخوت قىلغايلا.
دىلداربەكە ئېغىر خالتىنى ئېلىپ كۆمتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭغان تىللا، بىر قانچە چوكا ئالتۇن، تىزىق - تىزىق مەرۋايىت گىلەمگە تۆكۈلدى. ئۇ بۇلارنى يەنە خالتىغا سېلىپ، دەربەندنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى.
— يۇغرۇش بېشى جاناپلىرى، يىگىرمە يىلدىن بېرى تومۇر تۇتۇپ ھاسىل قىلغان تەجرىبەمگە قارىغاندا، ۋۇجۇدلىرىدا مىسقالچىلىك كېسەل يوق ئىكەن. كېسەللىرىنى ئېنىقلاشقا بىلىمىم كەملىك قىلغان بولسا، ئۇنى بىلمىدىم، بىلگۈچى ئاللا، باشقا مەشھۇر ئاتاساغۇنلارغا كۆرسىتىپ باقسىلا، بۇ تىللا - ئالتۇنلارنىمۇ كېسەللىرى ئېنىقلانغاندا ئىشلەتەلا.
قاقاھلىغان كۈلكە، خورسىنىپ ئېغىر تىنىشلاردىن كېيىن، خالتا دەربەندنىڭ ئىچىگە يەنە كىرگۈزۈلدى.
— ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، كامال تاپسىلا، كامال تاپسىلا،
كېسىلىمنى تاپالمىغان بولسىمۇ، مىجەزىمنى بىلىۋالدىلا، مەن شۇنداق تۈز كەتكەن ياۋاش ئادەم، ھا، ھا، ھا! بۇ مېنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان كىچىككىنە ھەدىيەم، قوبۇل قىلغايلا.
— ھەدىيەم؟! — دىلداربېك ئۈنسىز كۈلدى. خالتىنى يەنە ئىتتىرىپ دەپەرنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتتى، — ماڭا نېمىشقا شۇنچە كۆپ نەرسىنى ھەدىيە قىلىدۇ يوغۇروش جانابلىرى؟
قۇتلۇقبەگ پىچىلداپ كۈلدى.
— ئەمدى… راستىنى ئېيتسام بولمىغۇدەك ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم. ئۆزلىرىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغىلى كۆپ يىل بولدى، دىدارلىرىنى بىر كۆرۈشكە مۇشتاق ئىدىم. ئاسماندىن چۈشكەندەكلا قوزغۇردۇغا كېلىپ قالدىلا. ئەمما، ھازىرغىچە گۈزەل جاماللىرىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالماي، كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتتى، بۈگۈن جۈرئەت كەمىرىنى باغلاپ ئالدىلىرىغا كېلىشىم. كېسىلىمنىڭ ئىشق كېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلدىلە، بىراق سىلى نومۇسچان بولغاچقا، بىلمىگەنگە سېلىۋاتىدۇلا، ناھايىتى پەزىلەتلىك، خىسلەتلىك قىز ئىكەنلا، غايىبانە ئاشىق بولۇپ قېلىشىم ھېكمەتسىز ئەمەس ئىكەن. بۇ تىللا — ئالتۇنلار بىر تال مويلىرىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. مەن بەك كەمبەغەللىك قىلىپتىمەن. ئونى باش — كۆزلىرىنىڭ سادىقىسى قىلىپ سائىللارغا بېرىۋەتەي. ئەمدى بۇنى قوبۇل قىلغايلا، — دەپ ئاق يىپەك ياغلىققا ئورالغان قۇتىنى دەپەرنىڭ ئاستىدىن ئاستا ئىتتەردى، — بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، زىنھار قايتۇرمىغايلا.
دىلداربېك قۇتىنى ئېچىپ ئېچىۋەردى، قىزىل گۆھەر كۆز قويۇلغان بىر ئالتۇن ئۈزۈك چىقتى.
— يوغۇروش بېشى، خوتۇنلىرى يوق ئوخشىمامدۇ؟ — سورىدى دىلداربېك ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ.
— بار، ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، ئۈچ خوتۇنۇم، بىر قانچە چۆرى — قولۇم بار، — دەپ جاۋاب بەردى كۆرەڭلىگەن ھالدا
قۇتلۇقبەگ. — ئۆلار جاناپلىرىغا ئازلىق قىلامدۇ؟ — ئۇلاردىن مېلىم قالدى، سىلى خالىسىلا تالاق قىلىۋېتىمەن. — ھەممىتىلىرىگە رەھمەت، يۇغرۇش بېشى. ماڭا تەڭرىم قانائەت بەرگەن. يىگىرمە يىلدىن بېرى نىكاھلىنىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەي، ئادەم داۋالاش بىلەن بولۇپ كېلىۋاتىمەن. ھېلىھەم دۇنيا مەئىشەتلىرىگە ھېرىس بولماي، شەھۋەتخور ئىنساپسىزلارغا ئالدانماي، ئۆمرۈمنى پاك ھالدا ئۆتكۈزۈۋاتىمەن. بۇ ئۆزۈكنى چۆك خوتۇنلىرىغا بەرسىلە. چۈنكى، ئۇ ھەممىدىن كۆپ ئازاب چەككۈچى، دەردى ھەممىدىن ئېغىر، ئۈچ خوتۇن — چۆرىلىرى بولغاندىن كېيىن نېمىشقا شۈكۈر قىلمايلا؟ تۈلكىدەك ئىنساپسىز ئىكەنلا، جاناپلىرى، دەرھال چىقىپ كەتسىلە، مېنىڭ سىلىدەك بىر ئادەم بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇشۇمنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ!
چىرايى تاتارغان قۇتلۇقبەگ ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىلگەن قۇتنى ئالدى. قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ، زۇۋان سۈرمەي قوپتى، ئاندىن دەرپەردىگە ئۆزاققىچە قاراپ تۇردى.
ئۇنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولغاچقا، قىرىق سەككىز ياشقا كىرگۈچە يىگىرمە نەچچە قېتىم چۆك — كىچىك خوتۇنلىرىنى يەڭگۈشلىگەنىدى. ئۇ چىرايلىق خوتۇنلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىسىلا، يېزا ياكى شەھەردە بولۇشىغا قارىماي، قولغا كەلتۈرمىگۈچە بولدى قىلمايتتى. ئۇنىڭ شەھۋانىيەتچى — پاسىقلىقىنى خوش مۇئامىلە، گەپدانلىقى، چارە — تەدبىرلىك ئىكەنلىكى يېپىپ تۇراتتى. ئۇنى كۆرگەنلا ئادەم ياقتۇرۇپ قالاتتى، يامان گەپمۇ چىقمىغاندى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، غايىبانە ياقتۇرۇپ قالغان، ھىيلە — مىكىر بىلەن ئۆسلىگە يەتمەكچى بولغان بىر قېرى قىز ئۇنى ئوسال قىلىپ قويدى، يۈزىنى تۆكتى، ئۇ ئۆزىنى
ئاقلاشقىمۇ ئامالسىز قالدى.
قۇتلۇقبەگ ئېغىرلىشىپ قالغان پۇتلىرىنى يۆتكەپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى. «خودايا توۋا، بۇنداق پاك، ئىپادىلىك خوتۇنمۇ بولىدىكەن - ھە. مەن تېخى سالاپەتلىك ئەرنى، ئالتۇن - تېللانى كۆرگەندە، ھەرقانداق مەستۇرە خوتۇن - قىز ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، دەپ بىلەتتىم. بۇ قېرى قىز مېنى كۆرۈشنىمۇ خالىمىدى. ئالتۇن - تېللاغا كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمىدى، يوغۇرۇش بېشى ئىكەنلىكىمدىنمۇ تەپ تارتىمدى. ھەقىقەتەن ھايالىق، پەزىلەتلىك، نومۇسچان ئىكەن…» دەپ ئويلاپ ئىشىكتىن چىقتى.
سەككىزىنچى باب: كۆز قىيمىغان ئايرىلىش
1
چوڭار بەگلىرىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغانلىرى بوزاغۇنىڭ تاقىتىنى تاق بولۇشقا باشلىدى. ئۇ سىڭلىسىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئالدىرايتتى، كۈن ئۆتكەنسېرى بىئارام بولۇشقا باشلىدى. بېتاقەت بولغان قۇماربەككە ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا نەچچە قېتىم سورىدى، ئەگەر بوزاغۇ بەگىيۈسۈپنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەتتى، دەپ خۇش خەۋەر يەتكۈزسە، قۇماربەككە ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق بىر دېدەكنى سۆيۈنچە قىلىپ ئاتاپ قويغانىدى. تۆت خوتۇنى، بىر قانچە چۆرىلىرى بولغان بوزاغۇ، ئۆزىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئاشۇ لەۋەن دېدەكنى چۆرى قىلىۋېلىشقا ئىنتىزار ئىدى.
تومۇز چىقىپ كەتتى. قەشقەردىكى تىنچىق دۇمۇق تۈگەپ، قوغۇن-تاۋۇزنى قانچە يېسە سىڭىدىغان يازنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىمۇ ئۆتمەكتە ئىدى.
ئەنجۈر ئىككىنچى قېتىم پىشتى. يارما شاپتۇل شېخىدا مەي بولدى. چىلان كۆس-كۆسمۇ قىزاردى. ئادەمنىڭ تېنىگە يېقىشلىق كۈزنىڭ ئىللىق كۈنلىرىمۇ باغرىنى ئاچتى.
بوزاغۇنىڭ ئەندىشىسى كۈچەيدى. «چوڭار بەگلىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ بەگىيۈسۈپلەر ئۇلارنى سېزىپ قېلىپ، تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ تۈگەتكەن بولمىسا؟ ئەستاغپۇرۇللا، ئېتتىكرەك خەۋەر كەلسە بولاتتى…» دەپ غەم يېيتتى.
ئۇ بۈگۈن ئوردىدىن قايتىپ، مىرزىلار كوچىسىدىكى يېڭى ياساتقان ئۆيىگە كەلدى. ئىشىك ئالدىدا ئۈچ ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلارغا كۆز قىرىنىمۇ سالمىغان بوزاغو بېشىغا قارا كۆڭلەك تۇتۇپ كەلگەن غۇلامىغا:
— بۇ نېمىشەڭنى ئەمدى يىغىشتۇر! — دەپ بۇيرۇدى.
غۇلام دەرھال كۆڭلەكنى قاتلاپ كۆتۈرۈۋالدى.
بوزاغونى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن چاچراپ تۇرۇشقان ھېلىقى ئۈچ ئادەم تىزلىنىپ يەرگە باش قويدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يۇغرۇش بېشى جانابلىرى …
ئۇلارنىڭ خىرىلداق ئاۋازى ئاڭلانغان بوزاغو بوسۇغىدىن ئۆتۈپ كەينىگە قايرىلدى.
— سىلەر كىم، بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسىلەر؟ — ئۇ سۆزلەۋېتىپ، چاچ - ساقاللىرى ئۆسۈپ، يۈزلىرى قارىداپ كەتكەن بۈگۈشنى تونۇپ قالدى، — ھوي، سەن بۈگۈشقۇ، چاۋاربەگلەر قېنى؟ — سورىدى يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ.
— بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە، يۇغرۇش بېشى، — دەپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى بۈگۈش. ئۇنىڭ ئۆستىبېشىغا قارىغىلى بولمايتتى.
— نېمە گەپ زادى، دېمەمىسەن؟ — بوزاغو ئەھۋالنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ئالايدى، كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ، چاناقلىرى كېڭەيدى. يۈزىنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرى لىپىلداپ تىترەيدى.
بۈگۈش بېشىنى بوسۇغىغا قويدى.
— يۇغرۇش بېشى جانابلىرى، بەدەئارت داۋاننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى چاتقاللىق ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرغاندۇق … — بولغان ۋەقەنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.
— ھۇ نان قېپى ئۆلۈمتۈكلەر! شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەي، قايسى يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ كېلىشتىڭ يارماسلار! —
بوزاغو تۆمۈر نالىلىق ئۆتۈكى بىلەن ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى تەپتى.
بۆگۈش بوسۇغىدىن بېشىنى كۆتۈردى، يېرىلغان پېشانىسىدىن قان تامچىلىدى.
— بەگىيۈسۈپنىڭ ئادەملىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، يوغروش بېشى جاناپلىرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چەۋەندازلارمۇ كۆپ ئىكەن، خوتۇن-قىزلارمۇ قىلىچ كۆتۈرۈپ بىزگە قارشى جەڭ قىلدى. بىزىمۇ قاتتىق ئېلىشتۇق… لېكىن، ئاخىرىدا ئەسىر چۈشۈپ قالدۇق…
— سەنلەرنى مەن شەھەر-شەھەردىن تاللاپ يىغىپ تەربىيەلىگەن ئەمەسمىدىم، نومۇس قىلماي ئەسىر چۈشۈپ قالدۇق دەۋاتقىنىڭنى! قېنى سۆزلە، سەن قېچىپ قۇتۇلدۇڭمۇ؟ — بوزاغو ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپالاق سالدى.
— يوقسۇ، يوغروش بېشى جاناپلىرى. بەگىيۈسۈپ ئوغرىلىق قىلماي، ياۋاشنى بوزەك ئەتمەي، ھالال كۈن كەچۈرۈڭلار، دەپ قويۇپ بەردى. راستىنى دېسەم جاناپلىرى، بەگىيۈسۈپ ئېيتقاندەك كۈن كەچۈرگۈم كەلمەي، ئۆزلىرىنى پاناھ تارتىپ، ئىككى ھەمراھىمنى ئېلىپ بوسۇغىلىرىغا كەلدىم. نېمە قىلسىلا ئىختىيارلىرى، جاناپلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈشكە رازىمىز…
بوزاغو سەل يۇمشىدى.
— ئۆيگە كىرىش!
گۇگۇم چۈشكەنىدى. يېرىم ئوچۇق دەرۋازىلاردىن مېھمانخانا، ئايۋان، سارايلارغا سالقىن شامال ئۇرۇپ تۇراتتى. گۈلدار پېشايۋاننىڭ نەقىش چېكىلگەن تۈۋرۈكلىرىگە شاتۇتى، تومۇچۇق، تورغاي، قارىغوجا قاتارلىق سايرىايدىغان قۇشلار سولانغان قەپەسلەر ئېسىلغانىدى. سالپاق قۇلاق، كۆزلىرى تۆت كۆرۈنىدىغان يۇغان قارا ئىت ھويلىغا كۆلەڭگە تاشلىغان باراقسان ئەرمۇدۇن دەرىخىگە باغلاپ قويۇلغانىدى. ئىت بۆگۈش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كۆرۈپ، يولۇقۇنۇپ ئېتىلىپ قاۋاپ
كەتتى، بوزاغو: — جىم بول تۇت كۆز، ئۇلار ساڭا ئوخشاشلا مېنىڭ قوللىرىم، — دەپ قولىنى كۆتۈرۈپ قويۇۋەتتى، ئىت قۇيرۇقىنى شىپپىلدىتىپ، ئالدى ئىككى پۇتىغا بېشىنى قويۇپ ياتتى. بوزاغو خىزمەتكارلارغا بۇيرۇپ، ئۇلارنى ھاممامغا باشلىدى. ئۇلار يۇيۇنۇپ چىقىشقاندىن كېيىن: — ھە مانا، ئەمدى ئادەم سىياقىغا كىرىشتىڭ، — دەپ دەھلىزگە ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن دەستىخان سالغۇزدى. — ئاۋۋال يەڭلار، ئاندىن سۆزلىشەيلى! — ئۇلار نان، گۆش يەپ، چاي ئىچىشتى، ئارقىدىن بىر لېگەن پولونى پاكپاكىز يەپ تۈگىتىشتى. ئۇلار بۈگۈنگىچە تويغۇدەك تاماق يېمىگەنىدى، يالغۇز ئۇچرىغان يولۇچىلارنى بۇلاپ، ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا كىرىپ جان ساقلاپ، مىڭ تەستە قەشقەرگە كېلىۋالغانىدى. قوراللىرى بولمىغاچقا بىرەر توشقاننىمۇ ئۆلتۈرەلمىگەنىدى. — ئەمدى شاراب ئىچىڭلار، قارىسام بىر ئايدىن بېرى، شاراب ئوياندا تۇرسۇن، چاينىمۇ قېنىپ ئىچمەپسىلەر، — بوزاغو خوتەننىڭ مۇسەللىسىدىن بىر خۇمرا ئەكىرگۈزۈپ جاملارغا قويدى، — قېنى قېپىدىن چىقىپ كەتكەن يۈرەكلىرىڭنى ئورنىغا چۈشۈرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن كۆزۈڭلارنى ماڭا تىكىڭلار! ئۇنىڭ قولىدىن جامنى ئالغان بۆگۈش كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. — يوغروش بېشى جاناپلىرى، ھەممىتىڭلارگە رەھمەت. بىزنى كەچۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلەتتىم. نېمە بولۇشۇمدىن قورقماي، ئالدىلىرىغا كەلگىنىم بىكارغا كەتمىدى. ئەمدى شارابنى يېقىن قوللىرى قويدۇرسۇن، — بۆگۈش خۇمرىنى ئالدىغا تارتتى. جامنى قولىغا ئېلىپ تولدۇرۇپ قويدى، — جاناپلىرى، ئەسلىرىدە بارمۇ؟ شېرىكلىرىم بىلەن ئارتۇچتا ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغىنىمدا، سىلى قۇتۇلدۇرۇۋالغان بولسىلا، كاللام كېتەتتى،
240
مانا شۇندىن تارتىپ مېنىڭ ھاياتلىق رىشتەم سىلىگە باغلىنىپ قالغان. بۇ قېتىم تاپشۇرغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولساممۇ، كاللام تېنىمدە بولسىلا، بۇ ئەرزىمەس جېنىم ئۆزلىرىگە تەئەللۇق. قېنى ئەمسە، ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكلىرى ئۈچۈن، — دەپ جامنى كۆتۈردى.
— ئۇنتۇپ قالماپسەن، بۈگۈش. ئۇ چاغدا بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمىرى بىلەن كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغانىدىم. ئارتۇچ ھاكىمى «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ياتقان مۇبارەك زېمىندا ئوغرى - قاراقچىلارنىڭ ئاۋامنى بۇلاپ - تالاڭ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ، سېنىڭ كاللاڭنى ئېلىشقا، شېرىكلىرىڭنىڭ قوللىرىنى كېسىشكە ھۆكۈم قىلماقچى بولۇۋاتقانىكەن. مەن «بۇ گۇناھكارلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ئوردوخەنتكە ئېلىپ بېرىپ، جازاسىنى بېرىپ ئىبرەت قىلاي» دەپ، سەن باشلىق يەتتە كېرتوچنى تاللىۋالغانىدىم. بولمىسا روھىڭ ئۇ دۇنياغا كەتكەن بولاتتى. ئۇ كۈنلەرنى ئۇنتۇماي، بەگىيۈسۈپنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، يەنە خىزمىتىمنى قىلىشقا كەلگەنلىكىڭ ئۈچۈن سېنى قۇتلۇقلاپ بۇنى ئىچىمەن، — بوزاغۇ جامنى بوشاتتى.
ئۇ ئويلاپ كۆرۈپ، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بۈگۈشنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىن يالتايغانىدى. بۇنداق ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرىدىغان كاللىكەسەر ئۇنىڭغا يەنە لازىم بولاتتى.
— رەھمەت يۇغرۇش بېشى جاناپلىرى، بۈگۈندىن ئېتىبارەن خىزمەتلىرىنى پۇتۇم بىلەن ئەمەس، بېشىم بىلەن مېڭىپ ئادا قىلىمەن، — دېدى بۈگۈش شارابنى غورتۇلدىتىپ ئىچىپ.
— ساڭا دەپ قوياي بۈگۈش، ھېچكىم يول توسۇپ بەگىيۈسۈپكە زىيانكەشلىك قىلغىنى يوق. ئەسەرگە چۈشكىنىمۇ يوق، سەنمۇ ئوردوخەنتتىن ھېچ يەرگە بارمىدىڭ. بىلدىڭمۇ؟ — دەپ ئەسكەرتتى بوزاغۇ لەۋلىرىنى يالاپ.
① كېرتوچ — بەتخۇي، تەلۋە دېگەن مەنىدە.
— بىلدىم، جانابلىرى، — دېدى بۈگۈش بوغۇلۇپ. — چاۋار، قابانلار پارس ئېلىگە مال، جاۋاھىر ئېلىپ كەتتى، ئۇقتۇڭمۇ؟ — ئۇقتۇم جانابلىرى. — يېپىق قازان يېپىق پېتى تۇرۇۋېرىدۇ. سەن ئەتەدىن باشلاپ باغرىبەگتىكى تورادا تۇرىسەن، سىلەر كەتكەندىن كېيىن ئىسپىنجاپ، بارسغاندىن كەلگەن بىر قانچە ئادەملىرىممۇ شۇ يەردە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنى ساڭا تاپشۇردۇم، باتۇر چەۋەندازلاردىن قىلىپ تەربىيەلەيسەن. مېنىڭ مۆھرۈم بېسىلغان پوتۇكنى كۆتۈرۈپ چىققانلارنى ئورۇنلاشتۇرىسەن، باشقا ھەرقانداق ئادەمنى تورانىڭ ئىچىگە يېقىن يولاتمايسەن، بىلدىڭمۇ؟ — بىلدىم، جانابلىرى. — بۇ توغرۇلۇق ھېچكىمگە، ھەتتا خوتۇن — بالىلىرىڭغىمۇ تىنمەسلىككە قەسەم ئىچ! — مېنىڭ خوتۇن — بالىلىرىم بولمىسا، جانابلىرى … — دېدى بۈگۈش ئۆچكىنىكىدەك ئۇزۇن، شالاق ساقىلىنى تۇتاملاپ. — خوتۇنلۇق بولىسەن، بالىلىقمۇ بولىسەن. مەن ساڭا قول بازاردىن چىرايلىق بىر قىزنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىمەن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ قىبلىگە قاراپ قەسەم ئىچ! بۈگۈش ئىككى ھەمراھى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىبلىگە قاراشتى: — ئەگەر ئەمىرلىرى بويىچە ئىش قىلمىسام، تەڭرىم مېنى قاتتىق جازالىسۇن، — دېدى ئۇ مېيدىسىگە مۇشتلاپ. — ئەمدى چىقىپ ئارام ئېلىڭلار! بۈگۈش ھەمراھلىرى بىلەن چىقىپ كەتتى. بوزاغۇ ئۆز خانىسىغا كىردى. «بەگىيۈسۈپ يەنە قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ قوزغۇلدۇغا بارسا، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخانغا ئەھۋالنى ئېيتىدۇ، مۇھەممەد ئارسلانخانغىمۇ مەلۇماتنامە ئەۋەتىشى
مۇمكىن. ئۇ چاغدا…»
بوزاغو ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە، بوينىغا قىلىچ ئۇرماقچى بولغان جاللات كۆرۈنگەندەك بولۇپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنى تەر باستى. «قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ توغرۇلۇق ھەرقانداق خەۋەرنى مۇھەممەد ئارسلانخانغا ئاڭلاتقۇزماسلىق زۆرۈر…» دېگەن ئويغا كەلدى. ئاندىن ھەم ياش، ھەم نازىنىن بولغان چۆرىسى تۇرىدىغان ئۆيگە كىردى. ئۇنى قۇل بازارىدىن مىسىرلىق ئەرەب سودىگىرىدىن سېتىۋالغانىدى. ئىسمى مايمۇنە بولۇپ، قارا تەنلىك گۈزەللەردىن ئىدى. بوينى غازنىڭكىدەك ئۇزۇن، قەلەم قاش، ئاھۇ كۆز بۇ قىزنىڭ بېلى بىر تۇتاملا ئىدى. مەجنۇنتالدەك ئېگىلىپ كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى. چىشلىرى ئاپئاق سەدەپتەك يارقىراپ تۇراتتى، گويا تۈندىكى يۇلتۇزدەك چاقناپ، ئادەمنىڭ سۆيگۈسىنى كەلتۈرەتتى. تەقدىرى ئۇنىڭغا شۇنداق كېلىشكەن قامەت ئاتا قىلىپلا قالماي، ھەرقانداق ئەر زاتىنى ھوشىدىن ئايرىيدىغان ناز - خۇلقىنىمۇ بېرىپ، قارا تەننىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى نامايان قىلغانىدى.
— مايمۇنە، ئاپپىقىم، سەن قەيەردە؟ — قاراڭغۇ ئۆيگە كىرگەن بوزاغو ھېچنېمىنى كۆرەلمەي، ئۇياق - بۇياققا قاراپ تۇرۇۋاتتى، ئىككى كۆزنى بىرى ئالىقىنى بىلەن توسۇۋالدى. پەي ياستۇقتەك يۇمشاق، ئىسسىق تەن ئۇچىسىغا يېپىشتى. ئۇ قوللىرىنى ئارقىسىغا ئۇزىتىپ، ئىنچىكە بەلدىن قاماللاپ تۇتۇۋالدى، — ھۆ شەيتان خوتۇن، تېزچە چىراقنى ياندۇرمىغىنىڭ نېمىسى؟
— چىراق دېگەن مانا، — پىرقراپ ئالدىغا ئۆتكەن مايمۇنە بوزاغونىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، كۆزلىرىنى يۇغان ئاچتى، — مەن ئالدىڭىزدا غوجام. چىراغلارنى ياندۇرايمۇ؟
— ياق ئاپپىقىم، كۆزلىرىڭ چىراقتىن نۇرلۇق تۇرسا، — بوزاغو ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ قات كۆرپە ئۈستىگە ياتقۇزدى - دە، تاۋار جىلىتكىسىنى سالدۇردى.
— توختىسىلا يۇغرۇش بېشى، بۈگۈن مىجەزىم يوق ئىدى، — دېدى مايمۇنە ئۇنىڭ قوينىدىن سوغۇرۇلۇپ چىقىپ. — نېمە بولغىنىڭ بىلەن كارىم يوق. كۆڭلۈمنى ئاچساملا بولدى، — بوزاغو ئۇنى تارتىپ ياتقۇزدى، — سەن مېنىڭ چۆرەم. قارشىلىق قىلساڭ ئۆلىسەن، كىيىملىرىڭنى سال! — مەن كېسەل، كېسەل چىققاندا ماڭا چىقىلسا تەڭرىنىڭ لەنەتلىگى ئۇچرايدىلا، يۇغرۇش بېشى، — مايمۇنە يەنە تۇرۇۋالدى. — راستلا مەن بىلەن ياتمامسەن؟ — بوزاغو قولىنى توتۇۋەتتى، ئۇ سىلكىپ تارتىۋالدى. — مەن دېگەن ئايال، زادى سىلى تەڭرىنىڭ ھۆكمىگە قارشى چىقماقچىمۇ؟ — دېدى مايمۇنە، — قول ئېتىم، سىلى ئازاد قىلىپ ئۆزلىرىگە چۆرە قىلىۋالدىلا. كېچە كۈندۈز دېمەي كۆڭۈللىرىنى خوش قىلىپ كېلىۋاتىمەن. كېسەل بولۇپ قالغىنىمدىمۇ ماقۇل بولسام، تەڭرىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغان، ئۆز تېنىمنىمۇ، سىلىنىمۇ ئاسرىمىغان بولىمەن، يۇغرۇش بېشى، — مايمۇنە تەكىچىلەردىكى شام چىراغلارنى ياندۇردى. بوزاغو قاقاھلاپ كۈلدى. — ماۋۇ زەھەرلىك قولنى قارا. ئىلتىپاتىمدا چۆرە بولۇۋېلىپ، ئەمرىمگە بويۇنتالماق قىلغىلى تۇردىغۇ. لېكىن، سەن يەنىلا مېنىڭ قولۇم سەن. كۆڭلۈمنى ئاچىدىغان چۆرە سەن. قارشىلىق قىلساڭ چاترىقىڭنى يىرتىۋېتىمەن! — ئۇ مايمۇنەنىڭ ئېتىكىدىن بىر تارتىپ كۆڭلىكىنى يىرتىۋەتتى، تاۋار تامبىلىنى سالدۇرۇۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن خاس يېرىنى تۇتۇۋالغان مايمۇنە: — يۇغرۇش بېشى، خۇدادىن قورقسىلىچۇ، — دەپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق ئوسۇپ يىقىتىۋەتتى. يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاسقۇدىكى بوزاغونىڭ كۈمۈش ساپلىق خەنجىرىنى قولىغا ئېلىۋالدى، — ماڭا يېقىن كەلمىسىلە، يەنە ئېسىلىدىكەنلا، قارنىڭىزنى چۆكۈۋېتىمەن!
244
بوزاغو تۇرغان يېرىدە داڭ قېتىپ قالدى. بۇ قاراتەبلىك نازىرنىڭ قولىغا خەنجەر ئېلىپ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى.
— خەپ زەڭگى، توختاپ تۇر، ئەدەپىڭنى بەرمەيدىغان بولسام! — دېدى ئۇ بايا سېلىپ قويغان تونىنى كىيىپ چىقىپ كەتتى.
2
بوزاغو قاراڭغۇ سوپىدا مۆگدەپ ئولتۇرغان دېدەككە:
— سەن بۇ ئۆيگە ئوبدان قارا. ماۋۇ زەڭگى تاشقىرىغا چىققۇچى بولمىسۇن، — دەپ تاپىلاپ، تۆتىنچى خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىردى. ئۇ بۇ چىرايلىق مۇلايىم خوتۇننى يۇغۇرۇش بېشى بولغاندىن كېيىن ئالغانىدى.
بوزاغونىڭ كىرگىنىنى كۆرگەن خوتۇن ھودۇقۇپ، پايپاسلاپ يۈرۈپ داستىخان سالدى.
— مەن داستىخان ئۈستىدىن كىردىم. ئورۇن راسلا، ئۇخلايمەن، — دېدى بوزاغو ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەستلىكى تامامەن يېشىلىپ كەتكەنىدى.
ئۇ ئۇياق — بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى. «بېشىمغا قونغان ئامەت قۇشىنى ئۇچۇرۇۋەتكۈچى بولۇۋاتىدۇ. ياق — ياق، مەن ئۇنىڭغا يول قويمايمەن. بەگىيۈسۈپتىن ئەنتىمنى ئالىمەن…» ئۇ خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈپ قىرغاققا چىقالماي، سەھەردە ئۇخلاپ قالدى.
— بېگىم قوپسىلا، كۈن چىقىپ قالدى.
ئۇ خوتۇننىڭ نەچچە قېتىم ئويغىتىشى بىلەن كۆزلىرىنى ئاران ئاچتى. دەرىزىدىن چۈشكەن كۈن نۇرىنى كۆرۈپلا ئېتىلىپ قوپتى. ئالدىراپ تاھارەت ئېلىپ، خوتۇننىڭ ناشتا قىلىۋېلىش دېگىنىگىمۇ قارىماي ئوردىغا ماڭدى. ئوردا يېقىن كەلگەندىن
كېيىن، دىۋانخانىغا كىرمەي، ھەرەم قەسرىگە يول ئالدى.
قۇماربېكە ئۇنى ھەرقاچانقىدەك خاس ھۇجرىسىدا كۈتۈۋالدى.
— ئاكا، نېمە خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ؟
بوزاغۇ ئۈن چىقماي، يېكەندازدا ئولتۇردى.
— خاپا كۆرۈنىسەنغۇ ئاكا، نېمە ئىش بولدى؟
قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن بوزاغۇ بۈگۈشتىن ئاڭلىغانلىرىنى قويماي سۆزلەپ بەردى.
— بۈگۈشنى نېمىشقا ئۆلتۈرۈۋەتمىدۇق؟ ئۇنداق يارامسىز مەخلۇقلارغا ھەرگىز ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئاكا، — قۇماربېكە بوزاغۇغا ئەيىبلەش نەزىرى بىلەن قارىدى.
— مەنمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەي دېگەندىم، بىراق ئالدىمىزدا قىلىدىغان ئىشلارغا بۈگۈشتەك ئىشەنچلىك، پىداكار قوللار ناھايىتى كېرەك. ئۇ بەگيۈسۈپنىڭ سۆزىگە كىرمەي، ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىنمۇ قورقماي ئالدىمغا كەلدى، بىزگە تېخى كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ، — دېدى بوزاغۇ تەمكىن ھالدا. ئۇ يوغروش بېشى بولغاندىن بېرى خېلى ئېغىر — بېسىق بولۇپ قالغانىدى، ھەردائىم قۇماربېكىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى خاتىرجەم كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى. لېكىن، بۇ قېتىم ئەندىشىسىنى يوشۇرالمىدى، — بەگيۈسۈپنى قۇرغان تۇزىقىمىزغا جەزمەن چۈشىدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇم. بۇنداق بولۇشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەنكەنمەن. ئىشلىرىمىز ئاقساپ قالىدىغان بولدى.
— ئۇنداق دېمىسە، ئاكا، — خوشلۇقى تۇتۇپ كەتسە «سەن» دەپ، ئاچچىقى كەلسە، «سىلى»، «ئۆزلىرى» دەيدىغان قۇماربېكىنىڭ زەردىسى قاينىدى، — ئىشلىرىمىز بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز ھەرگىز ئاقساپ قالمايدۇ. ئوردىكىنەتتىكى يوغروش بېشى، سۇ باشلارنىڭ كۆپى ئۆز ئادىمىمىز. ھەرقايسى شەھەر، ئايماقلاردىمۇ ئادەملىرىمىز ئاز ئەمەس، ئۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمىسە. ئېرىم تەختنى ئاسانلىقچە بوشىتىپ بەرمەيدىغاندەك
قىلىدۇ. «قانداق قىلساق بولاركەن؟» دەپ بېشىمىزنى قاشلاپ ئولتۇرساق ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز. ھوشيار تۇرۇپ، ئادەملىرىمىزنى كۆپەيتىشىمىز لازىم. قورۇمىزدىن كەلگەن ھەرقانداق ئادەم ۋە چاپارماننى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى، نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلەيلى، بىزگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلغانلارنى، شۇنداقلا خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلەرنى دەرھال كۆزدىن يوقىتايلى. بۇ ئاي - بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز مۇشۇ بولسۇن، ئاكا.
— ئەلۋەتتە، شۇنداق، لېكىن بۇغرا قاراخان تاپشۇرغان ئىشلارمۇ بار، سىڭلىم، — دېدى بوزاغۇ ئاستا.
— بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمىرىمۇ ئۆز يولىدا بېجىرىلىۋېرىدۇ. ئۇ سىلىگە تاپشۇرغان ۋەزىپىنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپلا ئادا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ئۆزلىرى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىشلىرى كېرەك. سىلى ئوردىدىكى ھەممە دەرۋازىلارغا ئىشەنچلىك ئادەملەرنى قويسىلا، ئۇلار سىرتتىن كەلگەنلەرنى كۆزىتىپ تۇرسۇن. بولۇپمۇ ئەسكەرچى، چاپارمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ھامان سىلىنى خەۋەرلەندۈرسۇن. ئۇلار ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپ، مەلۇماتنامىلەرنى ئاۋۋال سىلى كۆرۈشلىرى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئېرىم بەگسۇپ، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبلىسخانىدىن كەلگەن مەكتۇپلارنى قولغا چۈشۈرەلەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلىسەكلا، تاقابىل تۇرماق قىيىنغا چۈشمەيدۇ.
بوزاغۇ ئېگىزنى چاڭگاللىدى.
— بۇنى ياخشى دېدىلە ئۆكام. بۈگۈن - ئەتەدىن قالماي، ھەربىر دەرۋازىغا ئۆز ئادەملىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىمەن. دەرۋازىۋەنلەر بېگى ھوشۇربەگ ئىشەنچلىك ئادەم، بۇ ئىشقا ئۇنى مەسئۇل قىلىمەن. ئۇلار يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەرىكەت قىلىدۇ.
— يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەنلىرى قانداق گەپ؟
بوزاغو ھىجايدى. — بۇ مۇنداق ئىش، شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشنى باھانە قىلىپ، ھەربىر دەرۋازىدىكى قاراۋۇللارنى بىر ھەسسە كۆپەيتىمىز، ئۇلار ھوشۇربەگنىڭ باشچىلىقىدا ئاشكارا ھەرىكەت قىلىدۇ. يەنە ھەربىر دەرۋازا ئەتراپىغا بىر قانچە كۆزەتچى يوشۇرۇنىدۇ، ئۇلار ناۋاي ياكى ئېلىپساتار قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. مۇشۇنداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلغاندا، ھەرقانداق گۇمانلىق ئادەم قولىمىزدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ. — بولىدۇ ئاكىجان. بۇ تۇزاقلىرى ئوبدان قۇرۇلۇپتۇ. لېكىن، سىلى نېمىشقا بۇنچە غەمگە چۆكۈپ كەتتىلە؟ — قۇماربىكىنىڭ ئويچان نەزىرىدە بىر سوئال پەيدا بولدى. — ئىشلار كۆپىنچە ئادەم ئويلىغاندەك بولمايدىكەن، سىڭلىم. شۇڭا، غەمگە چۆمۈپ قالدىم. «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پۈك — پۈك» دېگەندەك، بوزاغو سېزىلىپ قالسىلا كاللىسىنىڭ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى، يوشۇرۇن قۇرغان تۇزاقلىرىنىڭ كارغا كەلمەسلىكى ئۇنى خېلىلا جۇدۇتۇپ قويغانىدى. ئۇ سىڭلىسىغا راستىنى ئېيتمىغانىدى. — ئۇنداق بولسا ئاكا، بىز قىلماقچى بولغان ئىشىمىزدىن ۋاز كەچسەك بولغۇدەك، — قۇماربىكە قېيىندىغاندەك قىلىپ لەۋلىرىنى چىشلىدى. — ۋاز كېچىش؟ ياق! ئۆلسەم ئۆلىمەنكى، قىساس ئېلىش ئارزۇيۇمدىن، قىلىۋاتقان ئىشىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، سىڭلىم، — بوزاغو باش چايدى، — مېنىڭ غەمگە چۆمۈشۈم، كاللامنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن قورققانلىقىم ئەمەس، ئىشلىرىمىزنىڭ ئورۇنلانماي يېرىم يولدا توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىم … بوزاغو سىڭلىسىنىڭ لەۋلىرىدىن تامچىلاۋاتقان قاننى كۆرۈپ سۆزىنى توختاتتى. ئاق يىپەك ياغلىقى بىلەن قاننى ئېرىتقان قۇماربىكە كۈلۈمسىرىدى:
— ئاكا، مانا ئەمدى مېنىڭ ئاكامدەك زۇۋان سۈردىڭىز، — دېدى قۇماربېك، — سىلىنى ئۆزىدىن يېنىۋالىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئاچچىقىم كەلگەنلىكتىن لېۋىمنى چىشلەپ ئۆزۈمگە تەس كېلىپ قالدىم، مېنىڭ ئالدىمدا ئۇنداق مەيۈسلەنمىسىلە، جەسۇر قىياپەتلىرى ھەمىشە مېنى روھلاندۇرۇپ تۇرسۇن، — ئۇ قانغا بويالغان ياغلىقىنى تەكچىگە قويدى. قان تەپچىرەپ تۇرغان لېۋىنى قوللىرى بىلەن باستى، — ئاكا، بۇغرا قاراخاندىن قالسىلا سىلىنىڭ ئەمەل، ھوقۇقلىرى چوك، دۆلەت ئەربابلىرىمۇ، ئاۋاممۇ ئاغزىلىرىغا قارايدۇ، نېمە قىلىمەن دېسىلە قىلالايدىلا، سىلى، خەتەرلىك داۋاننىڭ ئۈستىگە چىقىشىمىزدا ئۆرۈلمەس شوتا، ئورۇنلىرىدا چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ بەرسىلە، ئارزۇ چوققىسىغا چوقۇم چىقالايمىز، — ئۇ كېنىزەكلەرگە بۇيرۇپ داستىخان سالدۇردى. داستىخان بىردەمىدىلا يەل - يېمىش، قەن - گېزەك بىلەن تولدى. بىر خۇمرا مەيزاپمۇ كەلتۈرۈلدى.
— ئۇكام، سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ باشقىچە غەيرەتلىنىپ قالدىم. ئېيتقانلىرىڭدەك ئورنۇمدا چىڭ دەسسەپ تۇرۇشقا بارلىق ئەقلىمنى سەرپ قىلىمەن. ئەمما، مەن بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. مەن شوتا بولسام، سىلى يۆلەك، مەن ئات بولسام، سىلى قامچا! ئىشىمىزنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئۆزلىرىنىڭ روللىرى چوك. مېنىڭچە قارىغاندا، بۇغرا قاراخان سىلىنىڭ سۆزلىرىگە بەكەرەك كىرىدۇ. شۇڭا، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇۋاتقان گۇمان - شۈبھىلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىپ، خاتىرجەم قىلىپ تۇرۇشلىرى لازىم. ئۇ قانچە بىخۇدلاشسا، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز شۇنچە يۈرىشىدۇ، — بوزاغو سۆزىنى توختىتىپ، قۇماربېككە تۇتقان جامنى قولىغا ئالدى، — ئىبراھىم تېگىنگە تاپىلاپ قويسىلا ئۇكام، جانقورغاندىكى سىپاھلارنى سىزدىن چىقمايدىغان قىلىپ تەربىيەلەشگە كۆپرەك دىققەتنى بولسۇن، — ئۇ بىر كۆتۈرۈپلا
249
مەيزىنى ئېچىۋەتتى. — ھەر كۈنى دېگۈدەك تاپىلاۋاتىمەن. بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىلا، ئاكا. ئوغلۇم ئۇلارغا سۇبېشى بولغاندىن بېرى، مىڭبېشى، يۈزبېشىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بولدى. بۇ سىلىگە ئايان. بوزاغو ئىككىنچى، ئۈچىنچى جامنىمۇ بوشاتتى. قۇماربېكەمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىچتى. — ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ بىر قول قىزنى سۆيۈنچە ئالماقچى ئىدىلە. شۇم خەۋەر ئېلىپ كەپتىلا، شۇنداق بولسىمۇ، مەن لەۋزىمدىن يېنىۋالمايمەن، ئۆتكەن ھەپتە يۈز تىللاغا چاڭئەندىن كەلگەن سودىگەردىن بىر قىزنى سېتىۋالدىم. ناھايىتى ئۆز، چۆرە قىلىۋالسىلا. — ھېلىقى قارا زەڭگىدىن بىزار بولدۇم، ئۇكام. قېنى مەن بىر كۆرەي، — بوزاغو يەنە بىر جام شارابنى ئېچىۋەتتى. — ئۇ چاڭئەنلىك قىز كارامەت ساھىبجامال ئىكەن. ئۇنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ماڭا، بۇ دۆرىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن، — ئۇ «سەن» دەپ سۆزلەپ بوزاغونى ۋەدە بېرىشكە قىستىدى. بوزاغو يۆتەلگەن مەيدىسىگە ئوردى: — بۇ قېتىم جەزمەن خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن. مۇبادا خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلەلمىسەم، ماڭا قىز ئەمەس، ئەجەل سوۋغا قىلغايلا ئۇكام. — بولىدۇ ئاكا، ئەمسە گېپىمىز گەپ بولسۇن، ئاكا… بوزاغو ئەتمىسى ھوشۇربەگنى ئۆيىگە چاقىردى. ئىككىسى ئۇزاققىچە كۆسۈرلىشىپ گەپلىرىنى پىشۇرۇشتى. بوزاغو ئۇنىڭ ئالدىغا ئون كۈمۈش يامبۇ، ئەللىك تىللا قويۇپ كۆڭلى تىنغان ھالدا ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ شۇ كۈندىن تارتىپ ھوشۇربەگدىن داۋاملىق ئەھۋال ئۇقۇشۇپ تۇردى. ئەنجۈرنىڭ ئۈچىنچى پىششىقىدا كۆتكەن
خەۋەرگە ئېرىشتى: بوزاغۇ كەچقۇرۇن ئوردىدىن ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇۋاتقاندا، غۇلامى ھوشۇربەگنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بوزاغۇ ئۇنى خانىسىغا باشلاپ كىردى.
— يۇغرۇش بېشى جاناپلىرى، بەگىيۈسۈپنىڭ مەھمۇد تېگىن ئارقىلىق مۇھەممەد ئارسلانخانغا يازغان مەكتۇپىنى قولغا چۈشۈردۈم، — دېدى ئۇ يەلكىنىدازدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ.
— ماڭا بېرىڭ، تېز! … — بوزاغۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بوزاغۇ لېپاپتىن سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق قەغىزىگە يېزىلغان خەتنى ئالدى. ئولتۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرمەي ئوقۇپ چىقتى. ئوقۇغانسېرى چىرايى تاتىرىپ، ئاخىرىدا زورۇقۇپ كۈلدى.
— ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز، ھوشۇربەگ. بۇغرا قاراخان بۇ مەكتۇپنى كۆرسە بىزنى تىرىك قالدۇرمايدۇ. بۇنى قانداق قولغا چۈشۈردىڭىز؟
— بۈگۈن چۈش مەزگىلىدە، — دەپ گەپ باشلىدى ھوشۇربەگ، — شىمالىي قوۋۇقتىكى دەرۋازىۋەنلەر بىلەن گۈزەردىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقانىدۇق، قاراۋۇللار بىر قانچە سودىگەرلەرنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدا بىزگە خەۋەر يەتكۈزدى. دەرھال دەرۋازا ئالدىغا كەلدىم. كەلگەنلەر تۆگە، ئېشەكلەرگە مال ئارتقان ئون نەچچە سودىگەر ئىكەن. ئۇلارنى دەرۋازىۋەنلەرنىڭ ئالدىغان خانىسىغا باشلاپ قويۇپ، ماللىرىنى تەكشۈردۇق. ھەممىسى ئېسىل ماللار ئىكەن. بىراق، ماللارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدگىنىمىز تېپىلمىدى. «جانابلار، خاپا بولماڭلار، زەھەر بارمۇ — يوق؟ تەكشۈرۈپ كۆرىمىز. بۇ بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرى» دەپ ئاختۇرۇۋاتقاندا، ئاداي دېگەن قوزۇردۆلۈق كاتتا سودىگەرنىڭ قويۇن يانچۇقىدىن بۇ مەكتۇپ چىقتى. ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنىڭ يانچۇقىغا تۇيدۇرماي بىر شىشە زەھەر سېلىپ قويۇپ، ئۇنى تېپىۋالغان بولدۇق. باشقا سودىگەرلەرنى قويۇۋېتىپ، ئۇنى تۇتۇپ قالدۇق. «ماڭا تۆھمەت قىلماڭلار!» دەپ جان — جەھلى بىلەن قارشىلىق قىلدى. پۇت —
قولىنىڭ پەيلىرىنى كېسىۋېتىپ، قۇۋۇقنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى قازاناققا قاماپ قويدۇق.
— ھە ! — ئويلىنىپ قالغان بوزاغو ساقىلىنى سىلىدى، — بۇنى كىشىلەر بىلىپ كەتسە، بىزگە ياخشىلىق يوق. بۈگۈن كېچىدىن قالدۇرماي ئاداينى تاغارغا سېلىپ تۆمەن دەرياسىغا تاشلاتقۇزۇۋېتىڭ، ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماڭ!
— خوپ، يۇغرۇش بېشى، تۈشنى چىقارماي ئۇنى بېلىقلارغا يەم قىلىۋېتىمىز، ئەمدى خەپ تۈگىگەندۇ؟
— ياق، ھوشۇر بەگ، ئەمدى قۇزغۇندىن كەلگەن ئىككىنچى — چاپارمەنلەرگە كۆز — قۇلاق بولۇڭ، ئۇلار بىلەن ئاۋۋال مەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك.
— خوپ يۇغرۇش بېشى، دېگەنلىرىنى بەجاندىل ئادا قىلىمەن !
3
مىس قازان ئاستا قايناۋاتتى. ئوچاقتىكى جىگدە ئوتۇننىڭ قىپقىزىل چوغلىرى ياقۇتتەك چاقنايتتى. بۇۋىئايىشە دورا قاينىتىۋاتاتتى. دىلداربېكە دەھلىزگە تاقاپ قويۇلغان شىرە ئالدىدا دورا تەڭشەۋاتاتتى.
ئۇلار ھەر ئاخشام ياتقۇچە دورا تەييارلايتتى. قىش كىرگەندىن بېرى كېسەل كۆپىيىۋاتاتتى. بارسخان، ئىسپىجاب، شاش، سەمەرقەنت، بۇخارا، ھەتتا مەرۋى شاھ جاھان قاتارلىق شەھەرلەردىنمۇ كېسەللەر كېلىشكە باشلىغانىدى. ئۇلارنىڭ كۆپى خوتۇن — قىزلار ئىدى. دىلداربېكە يېڭى كەلگەندە ئىككى — ئۈچ كۈندە بىر قېتىم دورا تەييارلايتتى، ھازىر ھەر ئاخشام تەييارلاپ قويمىسا دورا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.
— چارچاپ قالدىلا، ئۇكام. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى، ئەمدى ئۆيلىرىگە قايتىپ ئارام ئالسلا، مەخدۇم ئاكاملار يوللىرىغا قاراپ
قالمىسۇن، دېدى كۆمىلاچ دورىنى قەغەزگە ئوراۋاتقان دىلداربېكە.
تېخى بالدۇر ئاغىچا خېنىم ئاچا. سىلىگە ياردەملەشكەچ، ئوبدانراق ئۆگىنىۋالاي دەيمەن. سىلى كەتسە كىمدىن ئۆگىنىمەن؟ دېدى بۇۋىئايىشە قىلىۋاتقان ئىشىدىن كۆز ئۈزمەي.
ئادەم داۋالاش ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدىغان بىلىم. ئۆگەنگەنسېرى دېڭىزغا چۈشكەندەك، ئۆلۈك ئېقىن تەھدىتىدىكى ئۆنچە مەرۋايىتلارنى كۆپرەك سۈزۈۋالغۇسى كېلىدۇ. ئەمما، ئېرىشكىنى ھامان ئاز كۆرۈنۈپ، يەنە شۇڭغۇغۇسى كېلىدۇ، سىڭلىم، دېدى دىلداربېكە بۇۋىئايىشەنى كېتىشكە ئارتۇقچە زورلىماي.
دىلداربېكەنىڭ بالاساغۇنغا كەلگەندىن بېرى ئۆگىنىۋاتقان شاگىرتى ئوندىن ئاشقانىدى. بۇۋىئايىشە ئېغىر يېنىك كېسەللەرنى كۆرۈپ، دورا بېرىپ داۋالىيالايدىغان ھالەتكە قەشقەردىلا يەتكەن. ھازىر ئۆزىمۇ ئۇستاز بولۇپ قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ دىلداربېكەدىن ئۆگىنىشنى بىرەر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويمىدى.
بۇۋىئايىشە تەييارلانغان دورىلارنى دىلداربېكە بىلەن بىللە ئوراشقا باشلىدى.
ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، مېھمان كەلگەندەكەن، ئايۋانغا باشلاپ قويدۇق. ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن، دېدى كىرگەن خىزمەتكار ئايال.
«بەگىيۇسۇپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ، تېخى تۈنۈگۈن كېلىپ كەتكەندى. كېچىدە نېمە ئىش بىلەن كەلگەندۇ؟»، دىلداربېكە كۆمىلاچ دورىلارنى قەغەزگە ئېلىپ يۆگەپ قويدى دە:
سىڭلىم، چىقىپ باقايلى، ئاتلىرى كەلگەندەك تۇرىدۇ، دەپ ماڭدى.
ئۇلار ئايۋانغا چىقتى. بۇۋىئايىشە ئاتىسىنىڭ يېنىدا
ئولتۇرغان بەگتاش خېلىنى كۆرۈپ رومىلى بىلەن يۈزىنى توسۇدى.
دىلداربەكە ئاكىسىغا سالام قىلىپ، ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورىدى. بەگتاش خېلىل ھەممىلىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىنى يەتكۈزۈپ دېدى.
— ئاتا - ئانام سىلىنى سېغىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، سىڭلىم. يالغۇز بىر قىز بولغانلىرى ئۈچۈنمۇ، نېمىشقا بىللە ئېلىپ كەلمىدىڭ، دەپ تاپا - تەنە قىلىپ قۇلاق - مېڭەمنى تېشىۋەتتى.
— مېنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئابالىرىم سىلىنى ئالاھىدە ئەۋەتىپتۇ - دە، يولدا تازا جاپا تارتىپلا، قارىسىلا، قوزىئوردىدا تېخىچە قار يېغىۋاتىدۇ.
— ئوردىكەنتتە ھاۋا خېلى ئىسسىپ قالدى، سىڭلىم. لېكىن، مەن سىلىنى ياندۇرۇپ كېلىش ئۈچۈنلا قوزىئوردىغا كەلگىنىم يوق.
— نېمە، بىر ئىش بولدىمۇ، ئاكا؟ — يۈرىكى ئاغرىغاندەك بولۇپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان دىلداربەكە رومال ئاستىدىن ياداپ قالغان ئاكىسىغا قارىدى.
— سىڭلىم، سىلى ۋە دوستۇم، ئۇستازىم بەگىيۈسۈپكە ھەمراھ بولۇپ، قوزىئوردىغا كېلىپ - كەتكۈچە باشتىن كەچۈرگەنلىرىم ئۆمرۈمگە كۇپايە قىلىدۇ، دەپ قاراپتىمەن. تېخى كۆرىدىغانلىرىم بار ئوخشايدۇ. يەنە قوزىئوردىغا كېلىش تەقدىر پېشانەمگە يېزىلغانىكەن.
— نېمە بولدى ئاكا، يەڭگەمدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغاچقا، قوزىئوردىغا يەنە بارغىلىرى كېلىپ قالغاندۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە سەۋەب بولسۇن؟ — دېدى دىلداربەكە تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن. ئۇنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن تۇغۇتتا ۋاپات بولغان يەڭگىسى يادىغا چۈشكەنىدى.
— ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم سەۋەب بار، — بەگتاش خېلىل ئاستا
سۆزگە كىرىشتى، سىڭلىم، سىلى بىلەن خوشلىشىپ، قوزىغۇردۇدىن ئۇزاپ ماڭغاندىن كېيىن، سەپىرىمىز بىر كارۋان بولۇپ ماڭماي، بۆلۈنۈپ مېڭىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، ئىلگىرى كېيىن يولغا چۈشتۇق. مەن ئون نەچچە ھەمراھىم ھەم بەگىيۈسۈپنىڭ خاس غۇلامى ئاداي بىلەن ئوردۇكەنتكە چۈش ۋاقتىدا يېتىپ كەلدۇق. شىمالىي قوۋۇقتىن كىردۇق. دەرۋازىۋەنلەر توسۇپ تەكشۈردى. سورىساق، «زەھەر بارمۇ يوق، بىلمەي كەچمەيمىز»، دەپ يانچۇقلىرىمىزنى قويماي ئاختۇردى. «مانا، زەھەر چىقتى» دەپ، ئىنىمىز ئاداينىڭ يانچۇقىدىن بىر كىچىك قۇتىنى ئالدى. بىزنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ قالدى. ئاداي ئەتىسى كەلمىدى. مەن شىمالىي قوۋۇققا باردىم. قوۋۇقچىلار «سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىلا كەتكەنىدى…» دەپ مېنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ئەتىسىمۇ، ئۆگۈنۈمۇ كەلمىدى. مەن يەنە شىمالىي قوۋۇققا بېرىپ سۈرۈشتۈرسەم، قوۋۇقچىلار يەنە شۇ جاۋابنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ يەردىن ئاداينىڭ دېرىكىنى ئالالمىدىم. ئۇستازىم ھۈسەيىن پەزلىللا غوجامنىڭ مەسلىھەتى بىلەن مەھمۇد تېگىننىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. شاھزادە، سۈرۈشتۈرۈپ جاۋابىنى بېرىدىغان بولدى. ئىككى كۈندىن كېيىن بارسام، مەھمۇد تېگىنمۇ دېرىكىنى ئالالماپتۇ… شۇنداق قىلىپ ئاداي ئۈن تىنسىز يوقاپ كەتتى. ئىككى ئاي ئۆتتى، يەنە خەۋەر بولمىدى، ئاتامغا ئېيتىپ، مەھمۇد تېگىننىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ، چىللىنىڭ ئۆتۈشىگە ئىككى غۇلام بىلەن يولغا چىققانىدۇم. بۈگۈن كەچقۇرۇن سالامەت قوزىغۇردۇغا يېتىپ كېلىپ بەگىيۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەھۋالدىن واقفلاندۇردۇم. ئاداي قوزىغۇردۇغىمۇ كەلمەپتۇ. ئۇستازىم بەگىيۈسۈپ ئالدىدا، ساۋاقداشلىق، دوستلۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىغىنىم ئۈچۈن ناھايىتى خىجىل بولدۇق، سىلىنى سورىسام بۇ يەرگە باشلاپ كەلدى…
ئاداينىڭ يوقىلىپ كەتكىنى يامان بوپتۇ. ئۇ ناھايىتى
مۇھىم بىر مەكتۇپنى ئېلىپ كەتكەنىدى، — دېدى خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان بەگىيۈسۈپكە كۆز سالغان دىلداربەكە.
— ئاداينىڭ ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتىشىگە سىلى ئەيىبلىك ئەمەس، بۇرادىرىم، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئېغىر تىن ئېلىپ، — ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بوزاغۇنىڭ سوغۇق سۇيىقەستىدەك قىلىدۇ. ئۇ قوغلىغۇچىلارغا گۇمانلىق ئادەملەرنى ئاختۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇق بەرگەن. زەھەر تېپىلىش — بۇ بىر ھىيلە. ئەسلى مۇددىئا مەكتۇپنى قولغا چۈشۈرۈش.
ئاداينىڭ قويۇن يانچۇقىدىن چىققان مەكتۇپنى ھوشۇربەگنىڭ يەنە ئۆنىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالغان بەگتاش خېلىل بۇنىڭ كۆز بوياشچىلىق ئىكەنلىكىنى، زەھەر سېلىنغان قۇتىنىڭ ھەقىقەتەن بىر تۇزاق ئىكەنلىكىنى بىلدى.
— مەن بەك بىخەستەلىك قىلىپتىمەن، دوستۇم. ھەمراھىمنىڭ قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى بىلمەي، ئۆچۈپ كەتكەن قوشتەكلا كېتىپ قاپتىمەن. ئەسلىدە ئۆنىدىن ئايرىلماسلىقىم كېرەك ئىكەن. دوستۇم، سىلىگە يۈز كېلەلمەيمەن، — دېدى ئۇ پۇشايمان قىلىپ.
— ئەگەر سىلى ئادايغا بولۇشۇپ، قوغلىغۇچىلار بىلەن قارىشلاشقان بولسىلا، ئاداي بىلەن بىللە يوقاپ كېتەتتىلە، دوستۇم. ئۇ چاغدا ئىككىڭلاردىن ئايرىلىپ قالاتتۇق. قوغلىغۇچىلارنىڭ سىلىنى كەلتۈرۈۋەتكىنى، سىلى ئۈچۈنمۇ، بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بوپتۇ. دوستۇم، كۆزۈمىزگە كەلگەنلىرى دىلداربەكە ئۈچۈنمۇ، بىز ئۈچۈنمۇ قۇتۇلۇق قەدەم بولدى. بىلىدۇقكى، خانلىقىمىزنى ئاغدۇرماقچى بولغانلارنىڭ كۆچىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن. ئۇلار بۇغرا قاراخان ئوردىسىدىمۇ، ئېلىكخانلار سارىيىدىمۇ يىلتىز تارتقان. بۇ ھەقتە ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىلەن تۈنۈگۈن ئۇزاق پىكىرلەشكەنىدىم. ئۇ تاغىسى مۇھەممەد ئارسلانخانغا يازغان مەكتۇپىدىمۇ، مېنىڭ يازغىنىمدىنمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. مانا ئەمدى
مەلۇم بولدىكى، مېنىڭ مەكتۇپۇم دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئېلىكخاننىڭ مەكتۇپىنىمۇ بۇغرا قاراخانغا تېگىشى گۇمانلىق بولۇپ قالدى. بۇ توغرۇلۇق ئەتە ئېلىكخان بىلەن يەنە سۆزلىشىدىغان بولدۇم …
4
شەرقتىن تۇرۇلۇپ كەلگەن قارا بۇلۇتلار بىردەمدىلا كۆكنى قاپلاپ، شارىلداپ ياغقان يامغۇر ئاۋۋال قارغا، ئاندىن مۆلدۈرگە ئايلىنىپ كەتتى. قىش قايتا باشلانغاندەك ئىككى كۈن جۇدۇن بولۇپ، ھاۋا قايتا ئېچىلدى. «ھۇت — جۇت» دېگەن شۇ. ئاشانبۇقا پۈتۈن جەمەتى بىلەن باغقا ئىشلەشكە چىقتى. ئۇ «ھۇت، كەتكەن سېپىنى چىڭ تۇت!» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. مېۋە دەرەخلىرىنىڭ تۈۋىنى بوشاتتى، ئېرىق چېپىپ، سوغىرىشقا تەييار قىلىپ قويدى. كېيىن ھەممە ئوغۇللىرىنى باشلاپ بېرىپ مەرھۇم بەگتۆمۈرنىڭ بېغىغا ئىشلىشىپ بەردى، بەگىيۈسۈپ: — ئاتا، سىلىنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلىرى كۆپ، ئاۋارە بولمىسىلا، بۇ باغنى پەرۋىش قىلىشقا بىز يېتىشىمىز، — دېسىمۇ ئۇنماي، خاپا بولغاندەك قىلىپ دېدى: — غوجام بالام، بۇ نېمە دېگەنلىرى. بۇۋىلىرى ھايات چېغىدا رىشتىم چىڭىلگەن، مېھرىم چۈشكەن بۇ باغقا يىلدا بىر — ئىككى قېتىم تەر تۆكمىسەم، كۈنۈم كۈن بولمايدۇ. سىلى بەك ئالدىراش، پۈتۈن ئېلىنىڭ غېمىنى يەۋاتىدۇلا، غوجام بالام، بۇ باغنىڭ ئىشىنى ماڭا قويۇپ بەرسىلە… بەگىيۈسۈپ ئۇنى توسۇمىدى. بەگتاش خېلىل كەلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئەس — يادى قەشقەردە بولۇپ قالغانىدى. «ئېلىكخاننىڭ مەكتۇپى مۇھەممەد ئارسلانخانغا تەگكەنمىدۇ؟ بوزاغوننىڭ قەستىدىن خەۋەر تاپالارمو؟ مەھمۇد تېگىن بۇ
توغرۇلۇق بوۋىسىغا ئېيتماي قالمايدۇ. گەپ بۇغرا قاراخاننىڭ ئىشىنىش - ئىشەنمەسلىكىدە. ئېلىكخاننىڭ مەكتۇپى تەگكەن - تەگمىگەن بولسۇن، ئۇنى كۈتۈپ تۇرماي، بەگتاش خېلىلدىن يەنە بىر مەكتۇپ ئەۋەتىش كېرەك…» دېگەن ئويغا كەلدى.
بەگىيۈسۈپ بەگتاش خېلىل كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخان بىلەن كۆرۈشتۈرگەنىدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئېلىكخان ھەيران بولدى ھەم غەزەپلەندى. دەرھال مەكتۇپ بىلەن ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولۇۋېدى، بەگىيۈسۈپ:
— ئۆتكىنىدە ئەۋەتكەن ئەلچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسا، بۇ قېتىم ئەۋەتكەن ئەلچىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئېھتىيات بىلەن تەدبىر قوللىنىشىمىز لازىم. مەكتۇپنى بەگتاش خېلىلدىن ئەۋەتەيلى. ئۇ ئوردۇكەنتتىن تىجارەت ئۈچۈن ئودۇنغا بارىمەن، دەپ يولغا چىققانىكەن. قايتىپ بارغىنىدا يەنە ئېھتىيات چارىلىرىنى كۆرمەكچى، — دەپ ئېلىكخاننى ماقۇل قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى ئارامغا چۆشمىدى.
بۈگۈن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخاننىڭ نامىدا يېزىلغان مەكتۇپنى ئالغان بەگىيۈسۈپ ئۆيىگە كەلگەندە كۈن تىكلىشىپكەنىدى. دىلداربىكەمۇ ھەممە شاگىرت - خىزمەتچىلىرى بىلەن كەلدى. ئۇ ئەتە ئاخشام بىلەن يولغا چىقاتتى.
ئۆزىنىڭ ۋە ئادارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئىشلەۋاتقان ئاشانبۇقا باغدىن چىقتى. بەگىيۈسۈپنىڭ قېيىنئاتا - قېيىنئانىسى بۈۋىئايىشە بىلەن بىللە كېلىشتى، بەگتۈرمۈش ئارازان ئاغىچىنى ئېلىپ كەلدى. ئاخىرىدا ئايسىلىگ، ئارچۇن، ئەربۇقا پەتھىدىنلەر بالىلىرى بىلەن كېلىشتى. ھەممىلەن ئىچكىرى ھويلىدىكى بەگبۇقىنىڭ سارىيىغا كىرىپ ئورۇن ئېلىشتى. قولغا سۇ بېرىلىپ، داستىخان سېلىندى. ھەممىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئادارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بەگىيۈسۈپ مېھمانلارنى چايغا تەكلىپ قىلدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى:
ھۆرمەتلىك تۇغقانلار، مەرھۇم بوۋامنىڭ بۇ سارىيىغا توي، مۇناسىۋەت بولغان چاغلاردا جەم بولاتتۇق، بۇ قېتىم قان قېرىندىشىمىز، ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم ۋە بۇرادىرىم بەگتاش خېلىلنى ئۇزىتىش ئۈچۈن جەم بولدۇق. دىلدار ئاغىچا ئۆتكەن يىلى قۇزغۇردۇغا كەلگەندىن بۇيان نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتتى، ئىش بىلەن بولۇپ زادىلا ئارام ئالالمىدى. لېكىن، بىز ياخشى كۈتەلمىدۇق، بۇنىڭدىن كۆڭلىمىز يېرىم … بەگىيۈسۈپنىڭ ئويچان، يېقىملىق چېھرىدىن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئاجايىپ بىر مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى. رومال ئىچىدە تەلەممۈرۈپ ئولتۇرغان دىلداربىكەنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىۋالغانىدى. «بەگىيۈسۈپ ئېغىزىدا خوشلىشىۋاتقان بىلەن، كېتىشىمنى ھەرگىز خالىمايدىغانلىقى غەمكىن قاراشلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. خوتۇنىنىڭ قازا قىلىشى ئۇنىڭغا يېقىنلاپ نىكاھلىنىشى ئۈچۈن تەقدىر ئورۇنلاشتۇرغان قىسمەتمىدۇ ياكى بۇنىڭدا باشقا ھېكمەت بارمىدۇ؟ مەن نېمە ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئوردۇكەنتكە كەتمەكچى بولۇۋاتىمەن؟ ئادەم نېمىشقا ئۆز ھېسسىياتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ؟ مەن نېمىشقا بەگىيۈسۈپكە سىلىنى ياخشى كۆرىمەن، مېنى كەتكۈزۈۋەتمەي ئېلىپ قالسىلا، دېيەلمەيمەن؟ مېنىڭ ئوردۇكەنتكە كېتىشىم بەگىيۈسۈپتىن ئۆمۈرلۈك ئايرىلىش ئۈچۈنمۇ؟ …» دېگەن سوئاللار بىئارام كۆڭۈل قېتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كۆزلىرىدىن تامچىلاۋاتاتتى …
دىلداربىكە بىلەن بەگتاش خېلىلنى ئۇزىتىش كەچ كىرگۈچە داۋاملاشتى.
بۈۋىئايىشە قېيىنئانىسى، بودراچ موماي، ئارازان ئاغىچىغا مومىسىنىڭ ئۆيىدە ئورۇن راسلاپ بېرىپ، دىلداربىكەنى ئانىسىنىڭ خانىسىغا باشلىدى.
مېنىڭ سىلىدىن زادى ئايرىلغۇم يوق ئاغىچا خېنىم ئاچا، دېدى ئۇ ھەسەتلىك ئاۋاز بىلەن ئۇستازىنىڭ
259
رومىلىنى بېشىدىن ئېلىپ.
- مېنىڭمۇ شۇنداق، ئەمما كەتمىسەم بولمايدۇ، - دۆلداربىكە بۇۋىئايىشىنى ئاستا تارتىپ قۇچاقلىدى.
- ئاتام بەك يالغۇز، مېنىڭمۇ، ئۇكامنىڭمۇ سىلىنى ئانا قىلغۇمىز بار ئىدى … - بۇۋىئايىشە ئۇنىڭ قاپقارا بولۇق چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ، كۆڭۈل قېتىدىكى ئارزۇسىنى ئاخىرى ئېيتتى، - سىلى ئابامدەك ئاق كۆڭۈل ھەم چىرايلىق، مەن سىلىگە بەك ئىچىركەپ كېتىپتىمەن. كېتىپ قالسىلا ماڭا ئۇۋال بولىدۇ. دۆلداربىكە بۇۋىئايىشىنىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرىدىكى سىماپتەك لىغىلداپ تۇرغان ياشنى قولى بىلەن سۈرتتى. ئاسقۇدىكى ئەتلەس كۆڭلەك، چىچەك گۈللۈك ئاق ھېلىھەم رومالغا قاراپ:
- قىزىم، ئاۋۇ كۆڭلەك، رومال ئاقبىرا خېنىمنىڭ ئوخشىمامدۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇ «قىزىم» دېگەن سۆزنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى.
- ھەئە، ئابامنىڭ. بۇ كۆڭلەك، روماللار ئانىمىزنىڭ ھىدىنى بېرىدىكەن … شۇڭا ئاسقۇدىن ئېلىۋېتىشكە قولىمىز بارمايدۇ …
- شۇنداق … قىزىم، ئۇلارنى ئېلىۋەتمەك … بۇ ئورۇننى ئېگىلىمەكمۇ تەس … بۇۋىئايىشە بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى:
- ئابام تۈگەپ كەتتى، بېشىمىزنى تاشقا ئۇرساقمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ، بۇنى بىلىمەن، لېكىن ماڭا، ئىنىمغا ئانا بولمىسا بولمايدۇ. ئاتام يالغۇزچىلىقتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ. دۆلداربىكە ئۇنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، مەڭزىنى - مەڭزىگە ياقتى.
- ئونداق دېمىسەڭ بالام، تەقدىر، ئىرا دە شۇنداق ئىكەن. خۇدايىم ئىرا دە قىلغان ئىشقا كۆنمەستىن ئالاجىمىز يوق.
- مېنى بالام، قىزىم دېسىلە ئاچا، مەن ھەمىشە شۇنداق دەپ
چاقىرىشلىرىنى ئارزۇ قىلىمەن، — بۇۋىئايشە خۇددى كىچىك بالىدەك ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.
— مەن شۇنداق دېدىممۇ؟ شۇنداق بولغان بولسا… ئەپسۇس… — دىلداربىكىنىڭ كۆزلىرى يەنە ئاسقۇدىكى رومال، كۆڭلەككە تىكىلدى.
— مەن سىلىنىڭ ئەپسۇسلىنىشلىرىنى خالىمايمەن، بالام، قىزىم، دەپ چاقىرىشلىرىنى خالايمەن، — دەپ ئورنىدىن تۇرغان بۇۋىئايشە رومال، كۆڭلەكنى ئاسقۇدىن ئېلىپ، بۇلۇڭدىكى ساندۇققا سېلىپ قويدى.
— بالام، تۇرۇۋەرسۇن، بولمىسا ئاتىلىرى ئىزدەپ قالىدۇ، — دېدى دىلداربىكە ئۆھ تارتىپ.
— بۇ رومال بىلەن كۆڭلەك كۆزگە كۆرۈنۈپ ئاسقۇدا تۇرۇۋەرسە، ئاتىمىزنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ كۆز يېشىمىز قۇرۇمايدىكەن، باشقا ئانىنىمۇ بۇ ئۆيگە ئېلىپ كىرەلمەيدىكەنمىز، ئابا.
دىلداربىكە جىم بولۇپ قالدى. بۇۋىئايشەنىڭ «ئابا» دەپ ئاتىشى ئۇنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكەندى.
ئۇلار سۆزلىرىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي، يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە ئۇخلاپ قېلىشتى.
بەگىيۈسۈپ تېخىچە ئۇخلىمىغانىدى، ئاقىبراننىڭ قانغا بويىلىپ ياتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلىۋالغانىدى. «ئاجايىپ نازاكەتلىك، پەزىلەتلىك ئانا ئىدى، ئەجەب ئايرىلىپ قالدىم. بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان خوتۇن بارمىدۇ؟…» ئۇنىڭ خىيالى ئۆزۈلۈپ، كۆز ئالدىغا دىلداربىكە كەلدى. ئۇنىڭ چاھقا ئېتىلگەن چاغدىكى سىيماسى نامايان بولۇپ، كۆڭۈل تارى چېكىلدى: «دىلداربىكە قەيسەر، خىسلەتلىك ئايال، ئاقىبراننىڭ ئورنىنى پەقەت شۇلا باسالايدۇ. ئەمما، ئۇ كەتكۈچى بولۇۋاتىدۇ. قىزىم ئۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالغانىدى…»
بامدات نامىزىدىن كېيىن ھەممىلەن يەنە بەگۇپنىڭ
سارىيىغا يىغىلىپ چاي ئىچىشتى. بەگىيۈسۈپنىڭ گېلىدىن چايدىن باشقا نەرسە ئۆتمىدى.
دۇئا قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇشقاندا كۈنمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى. بەگىيۈسۈپ، ئاشانبۇقا كۆل بويىدا توختاپ ئاقيول تىلەپ يەنە دۇئا قىلىشتى. ئىشىك ئالدىغا چىققاندا تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ئۇزاتقۇچىلار كوچىغا تولۇپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ بەگتاش خېلىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئات مىندۈرۈپ تون ياپتى. دىلداربەككە مەۋلانا ئىبىن سىناننىڭ «كىتابۇش شىپا»①، «ئەلقانۇن فىت تىب»② ناملىق ئىككى كىتابىنى ئىككى تاي يىپەك رەخت بىلەن يوللۇق تۇتتى. شەھەر سىرتىدىن يەتتە چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزاتتى. بۇۋىئايىشە ۋە بەگتۇرمىش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇردى. يۈرىكى سوغۇرۇلۇپ كەتكەندەك بولۇپ، مەيدىسىنى تۇتۇپ قالدى …
① «كىتابۇش شىپا» — شىپا بولىدىغان كىتاب. ② «ئەلقانۇن فىت تىب» — كېسەل داۋالاشنىڭ قانۇنىيەتلىرى.
توققۇزىنچى باب: ھۈسەيىن ئارسلانخان
1
بارسغان بەدەۋلەت داۋاننىڭ غەربى، ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گۈلچىمەنلىك تۆپىلىكتە، پېشتاق - گۈمبەزلىرى، ئاۋات بازارلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان قەدىمكى شەھەر. يىللار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بارسغان قەلئەسى كۆركەم، كوجۇم شەھەرگە ئايلانغان. قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ گۈللەنگەنىدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان بۇ شەھەرگە ئېلىكخان بولۇپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ قەشقەر ئوپالدا تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن تېگىن بۇ يەرگە كەلگەنىدى. ئۇ ئون تۆت ياشقا كىرگۈچە بۇ يەردە تۇردى. بارسغاندىكى خانلىق مەدرىسەدە ئەرەب، پارسچىنى ئۆگەندى. قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىقتا تەڭتۇشلىرىغا بوي بەرمەيدىغان ھالغا كەلدى. ھۈسەيىن تېگىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان يىلى، بوۋىسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئاتا - ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ قەشقەرگە كەلدى ۋە ئۆزلىرىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن ئوپال دىيارىنىڭ غازىق كۆنتىدە تۇردى. شۇ يەرلىك مۆتىۋەر ئائىلىدىن بولغان ساھىبجامال، بىلىملىك قىزغا ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلدى. ئاتىسى ئېلىكخان بولۇپ تالاسقا كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئوپال دىيارىدا تۇرۇۋاتقان سىپاھلارغا سەردار بولدى. ئوغلى مەھمۇد تېگىن پۈتۈن ئىشقنى ئانا تىلغا بەرگەنىدى. ئورخۇن، سوغدى يېزىقلىرىنى پىششىق
ئۆگەندى. بالا ۋاقتىدىن باشلاپ نۇرغۇن قوشاق - بېيىتلەرنى يادلىدى. ئۇنىڭ قولىدىن كىتاب چۈشمەيتتى. ئۇ ساچمىيە مەدرىسىدە ئوقۇشقا باشلىغاندا زامانىسىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپتىن دەرس ئالدى ۋە بەگىيۈسۈپ بىلەن ئەنە شۇ ئۇستازىنىڭ يېنىدا دوستلاشتى …
ھۈسەيىن ئارسلانخان بۇ ئوغلىنى ئالىپ سەركەردە قىلىپ يېتىشتۈرۈش نىيىتىدە ئىدى. مەھمۇد تېگىن بولسا يېتۈك ئالىم بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ھۈسەيىن ئارسلانخان بارسغانغا ئېلىكخان بولۇپ ماڭغاندا، مەھمۇد تېگىننىڭ بىللە بېرىشقا ئۇنماي «بىلىم ئۆگىنىمەن» دەپ قەشقەردە قېلىشى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى يېرىم قىلغانىدى … ئۇزاققا بارماي، ئۇ تۈرك قەۋملىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئىلى - ئېرتىش، سىر، چۇ دەريا ۋادىلىرى، ئىدىل ۋادىلىرى، بالقاش بويلىرىنى كېزىپ چىقىپ كىتاب يېزىشقا تۇتۇش قىلدى. ھۈسەيىن ئارسلانخان ئوغلىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ يەنە بارسغانغا ئېلىكخان بولۇپ كەتتى، ماڭىدىغان چاغدا مەھمۇد تېگىنگە بىللە كېتەيلى دەپمۇ قويمىدى …
ھۈسەيىن ئارسلانخان بارسغانغا كەلگەندىن كېيىن، كەمبەغەل، يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىدى، ئاۋامغا كۆيۈندى، ئەلنىڭ غېمىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھۆرمەت - ئالقىشىغا ئېرىشتى. بارسغان شەھىرى كۈندىن - كۈنگە ئاۋاتلاشتى. غەربتە رۇم، مىسىر، باغدات، تېھران، نىشاپۇر، سەمەرقەنت، بۇخارا، مەرۋى شاھ جاھاندىن، شەرقتىە چاڭئەن، لوياڭ، غۇجۇت، بەشبالىق، مىڭلاق، ئودۇن، بارچۇق شەھەرلىرىدىن كېلىپ - كېتىپ تۇرغان كارۋانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. ھۈسەيىن ئارسلانخان ئادىل شاھ بولۇپ تونۇلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى. چۈنكى، ئوغلىدىن خەت - خەۋەر كەلمەيتتى.
ئۇ بۈگۈن ھەرەمدىن ئوردىغا چىقىپ تۇرۇشىغا قەشقەردىن
كەلگەن ئەلچى ئونىڭغا بۇغرا قاراخاننىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇردى. ئۇ سارايغا كىرىپ، ئىشىكئاغىسىغا ھېچكىمنى كىرگۈزمەسلىكنى بۇيرۇپ مەكتۇپنى ئېچىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن بارسخان دىيارىنىڭ ئېلىكخانى ھۈسەيىن ئارسلانخانغا:
يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، ئوغلۇم، يېقىندىن بۇيان ئالىپ مۇھەممەد ئارسلانخان ئاتلىرى تۆمۈر قەپەسكە سولاپ قويۇلغان شىرغا ئوخشاپ قالدى. بىر تەرەپتە مەرھۇم ئاكام سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ بالىچاقىلىرى ۋە بەگىيۈسۈپنىڭ ئادەملىرى مېنى ھە دەپ، قانداقتۇر بالايىئاپەتلىك خەۋپتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنى خانلىقىمىزغا ساداقەتمەن قىلىپ كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر تەرەپتە يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگ ۋە ئونىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى قارىلاپ، ئۆزلىرىنى بىز بۇغرا قاراخاننىڭ ئىخلاسمەن قوغدىغۇچىلىرى، دەۋاتىدۇ. كىمگە ئىشىنىشىمنى بىلمەي قالدىم. ياشانغان چېغىمدا ھەممىلا نەرسە مېنى ئالداۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى، بالام. سىلى ئۆزلىرىلا، بىردىنبىر ئىشىنىدىغان يۆلەنچۈكۈم، راستىنى دېسەم، سىلىدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەيمەن. بەزى ئەھۋاللارنى ئوچۇق يېزىشقا ئەپسۇس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەكتۇپكە پۈتمىدىم. ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆڭلۈم سېزىپ تۇرۇۋاتىدۇ. خۇدا خالىسا، تاجوتاختنى سىلىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاۋاتقان بولسىلا، ئويغۇلىرىنى ئاچسىلا، ئولتۇرغان بولسىلىرى دەس قوپسىلا، تۇرغان بولسىلىرى دەرھال ئاتلىنىپ يولغا چىقسىلا! كېچىكسىلا، مەن جېنىمدىن، ئۆزلىرى تاجوتاختتىن ئايرىلىپ، خانلىقىمىز ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. كۆزۈم يوللىرىدا، دىدارلىرىغا مۇشتاق
غەمگۇزار ئاتىلىرى: بۇغرا قاراخان مۇھەممەد ئارسلانخان. تانلىرى سالامەت، ئەنسىرىمىسلىە. ھىجرىيە 448 - يىلى شەئباننىڭ 21 - كۈنى. ① ئوردۇكەنت»
ھۈسەيىن ئارسلانخان مەكتۇپنى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ چىقتى. «مېنى ئەنسىرىمىسۇن، دەپ مەكتۇپنىڭ ئاخىرىغا ئاتام توغرۇلۇق بىر جۈملە سۆز قىستۇرۇپ قويۇپتۇ. ئوغلۇم مەھمۇد تېگىن توغرۇلۇق ھېچنېمە يازماپتۇ. ئاتام ئونىڭدىن خاپا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ …» دەپ ئويلىغان ھۈسەيىن ئارسلانخان ئىشىكئاغىسىنى چاقىرىپ، ۋەزىر - ۋۇزرا، ئەمىر - ئەركانلارغا پەرمان جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوردىدىكى مۈلكىي ۋە لەشكەرىي ئەمەلدارلار ئېبىلىكخان سارىيىغا يىغىلىپ قول باغلاپ تۇرۇشتى. ھۈسەيىن ئارسلانخان تەختتىن تۇرۇپ جاكارلىدى:
- پەرمان! بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرى بىلەن ئەتە ئەتەنگەندە ئاتلىنىپ يولغا چىقىمەن. ماڭا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن مىڭ نەپەر سىپاھ سەپەرۋەر بولۇپ تۇرسۇن! يۇغرۇش بېشى ئىنائەت تېگىن مېنىڭ ئورنۇمغا نائىب ئېبىلىكخان بولۇپ قالىدۇ. ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرگەيسىلەر.
- باش ئۈستىگە! - دېيىشتى ئەمەلدارلار. ئۇ تەختتىن چۈشۈپ، بۇ ئۇشتۇمتۇت جاكارلانغان پەرماندىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشقان ئوردا ئەمەلدارلىرىغا باش لىڭشىتىپ قويۇپ، ھەرەمدىكى قەسرىگە قاراپ ماڭدى. كۈن تىكلىشىپ، تىنىق كۆكتىن زەررەدەك چېچىلغان قىزىق ئاپتاپ ئوردىنى قاپلىدى. مەجنۇنتاللار سايە تاشلىغان يولدىن
① مىلادىيە 1057 - يىلى 5 - ، 6 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
ئاستا مېڭىپ كەلگەن ھۈسەيىن ئارسلانخان قىزىلگۈل، رەيھانگۈلنىڭ خۇشبۇيى كېلىپ تۇرغان قەسىر ھويلىسىغا كىرىشكە، خانىمدىن چىققان ئالتۇن تارىم بۇۋىرابىيە نازاكەت بىلەن ئېگىلدى ۋە: — شاھىم، چارچىغان ئوخشىماملا، چىرايلىرى باشقىچە تۇرىدۇ، — دېدى ئېرىنىڭ شاھى تونىنى سالدۇرۇپ. — ئوردۇكەنتتىن مەكتۇپ كەلدى، خانىش، — دېدى ئېلىكخان. — ئوغلىمىز مەھمۇد تېگىندىنمۇ؟ — ئالدىراپ سورىدى ئانا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ. — ياق، ئانىسى، ئاتامدىن كەپتۇ. — بۇغرا قاراحاندىنمۇ؟ مال، ئات، ئاشلىق سورىغاندۇ تايىنلىق؟ … — ئۆيگە كىرىپ سۆزلىشەيلى، — ھۈسەيىن ئارسلانخان خاس ھۇجرىغا كىرىپ تاج، كەمەر ۋە قىلىچىنى ئېلىۋېتىپ ئازادە بولدى — دە، ئۈچ قات سېلىنغان يەكەندازدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇردى. ئالتۇن تارىم بۇۋىرابىيە ئونىڭ دۈمبىسىگە مۇشتلاپ پەي ياستۇق قويدى، خۇمرىدىكى مۇزدەك شەربەتتىن كۈمۈش جامغا قويۇپ تۇتتى. جامنى بىر كۆتۈرۈشتە بوشاتقان ھۈسەيىن ئارسلانخان ئېغىر تىندى. — مەكتۇپ تونۇمنىڭ قويۇن يانچۇقىدا ئانىسى، ئوقۇپ كۆرسىلە. خانىش مەكتۇپنى ئوقۇپ چىقىپ، خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغان ئېرىگە قارىدى: — ئوغلوم مەھمۇد تېگىندىن بۇغرا قاراخان ئاتام رەنجىپ قالغان چىغى، ئىسمىنىمۇ سېلىپ قويماپتۇ. قارىغاندا بىر ئىش چىققان ئوخشايدۇ، شاھىم. — شۇنداق، خانىش، — دېدى ھۈسەيىن ئارسلانخان، — ئوردۇكەنتتە بىر ئىش چىققاندەك پاكى چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئاتامنىڭ يازغىنىدىن مەلۇم بولدىكى، بەگىيۈسۈپلەر قۇزئوردۇغا بارغاندىن كېيىن، يولدا يۈز بەرگەن پاجىئەنى ئىسپات قىلىپ، بىزگە ئەۋەتمەكچى ئاتامغىمۇ مەلۇماتنامە ئەۋەتكەن، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبلىكخانمۇ مەكتۇپ ئەۋەتكەن. ئۇلار مەكتۇپلىرىدا يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگنى، خانىش قۇماربىكەنى قارىلىغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قەيسەربەگ ئۆز يولىدا ئۇلارنى قارىلاپ ئاتامغا ساداقىتىنى بىلدۈرگەن. ھازىر ئاتام قايسىسىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەكتۇپ مېنىمۇ گاڭگىرىتىپ ئويغا سېلىپ قويدى. مەن تېخى، ئەمدى تىنچلىق ئورنىتىلدى، دەپ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالغانىدىم، ھۈسەيىن ئارسلانخان بوشىغان پىيالىنى داستىخانغا قويدى.
دېگەنلىرى توغرا، ئاتىسى. يۇغرۇش بېشى بەگىيۈسۈپلەرنىڭ بەدەلقارت داۋانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئۆزلىرىنى بۇ ۋاقىتقىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان قارا نىيەت سويمىچىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى تېزلىتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۆزىنى قەيسەربەگ دەپ ئاتىۋېلىپ يوشۇرۇنۇپ كەلگەن بوزاغۇ قۇماربىكەنىڭ ئاكىسى ئىكەن. بۇ ئاكا سىڭىلنىڭ ئاتىسى بولسا، ئاسىي، خائىن بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان ۋاقتىدا دارغا ئېسىلغانلىقىنى ئۆزلىرى سۆزلەپ بەرگەنىدىلا. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، قۇماربىكە، بوزاغۇلار دوست قىياپىتىگە كىرىۋالغان دۈشمەن. ئۇلاردىن بۇغرا قاراخان ئاتامغا ۋاپا كەلمەيدۇ.
سۆزىنى تۈگەتكەن بۆرتەرابىيە كېنىزىكى ئېلىپ كىرگەن ئاق ئۈجمىنى ئېرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى پەقەت ئوردۇكەنتكە بارغاندىن كېيىنلا بىلەلەيمىز.
پېقىرمۇ سىلىگە ھەمراھ بولۇپ، ئوردۇكەنتكە
بارامدىم؟ بۈۋىرابىيەنىڭ قاپقارا تال تال كىرپىكلىرى ئوراپ تۇرغان قوي كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.
شۇنداق، ئالتۇن تارىم، ئەتە ئەتەنگىدىلا يولغا چىقىمىز، دېدى ئېلىخان.
بۈۋىرابىيە داستىخاننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئېرىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
شاھىم، قۇماربېكە ھەرگىز ياخشى خوتۇن ئەمەس. ئۇ بىر چىرايلىق يالماۋۇز. دەسلەپ كۆرگىنىمدىلا مەندە شۇنداق سېزىم پەيدا بولغان. بەگىيۈسۈپ بولسا بۈگۈن بەگكە، ئۇلۇغ زات، ئوغلىمىزنىڭ يېقىن دوستى. مەن ئوغلىمنىڭ ئادەم تاللاشتا خاتالاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىخان بىلەن سىلى بىر نەۋرە، ھەم يېقىن دوست، شاھىم. ئۇ ئاتىلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلسىمۇ، سىلىگە ئۆچمەنلىك قىلمايدۇ. خانلىقىمىزنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. مەن يەنىلا قەيسەربەگنىڭ ئاسىي بوزاغۇ ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمەسلىكلىرىنى، ئوردۇكەنتكە بارغاندا ئوغلىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر تەلەپلىرىگە سەل قارىماسلىقلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
ئانىسى، ئاۋۋال ئاتامنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشىم، ئاندىن ئوغلوم بىلەن سۆزلىشىشىم كېرەك! ھۈسەيىن ئارسلانخان كۆزىگە ياش ئالغان خوتۇنىنىڭ نازۇك قولىنى سىلاپ قويدى، ئوغلوم مەھمۇد تېگىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن ئانچە كارى يوق، كۆپ ئىشلاردا بوۋىسىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا قوشۇلماي كېلىدۇ. لېكىن، مەن ئونداق قىلالمايمەن. ئوغلومنىڭ بوۋىسىنى ھۆرمەت قىلىشىنى، مېنى قوللىشىنى، ياردەمدە بولۇشىنى خالايىمەن.
ئاتىسى، ئوغلىمىز ئاق كۆڭۈل، باغرى يۇمشاق. ئۇ سانغۇن ئەمەس، بۈگۈ بەگكە. ئۇ سىلىگە ئەڭ يېقىن سادىق ھەمراھ، سىلىنىڭ قاناتلىرى …
يولغا چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن بەگ تەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ، خېلى كېچىدە يانغان ھۈسەيىن ئارسلانخان بۇۋىرا بېگى كۈتۈپ تۇرغان خاس ھۇجرىغا كىردى. بۇ ئۆلەر بارسغاندا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى شېرىن كېچە بولۇپ قالدى …
2
دىلداربېكە ئاكىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەندە، كۆك يېڭى چىققانىدى. ئاتا - ئانىسى قىزىنىڭ يېنىپ كەلگىنىدىن ئالەمچە خۇشال بولۇشتى. بىر ھەپتىگىچە مۇبارەككەپ پەتكە كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇلارنىڭ كۆپى ئونىڭ داۋالىشى بىلەن ساقىيىپ قالغان خوتۇن - قىزلار ئىدى.
دىلداربېكە ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىغا كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ بەردى. نورۇز بايرىمى كۈنى ئەتكەن - كەتتە كۆجە، سۈمەلەك ئېتىپ بېرىپ، ئارزۇسىغا يەتكەندەك بولدى. لېكىن، ئونىڭ كۆز ئالدىدىن بەگىيۈسۈپنىڭ خىيالچان سىيماسى زادىلا نېرى بولمىدى …
بەگتاش خېلىل كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى، بەگىيۈسۈپنىڭ مەلۇماتنامىسى بىلەن، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبلىخاننىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ساچىيە مەدرىسىگە باردى. مەۋلانا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ قاتارلىق ئۇستازلارغا بەگىيۈسۈپنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. مەھمۇد تېگىننىڭ ئوپالغا كەتكىنىنى بىلىپ، ھايال بولماي ئۆيگە قايتىپ كەلدى. دىلداربېكە مەھمۇد تېگىننىڭ ئوپالغا كەتكىنىنى بىلىپ:
— ئوپالغا بېرىپ كېلەمدىلا يا ئاكا، بەگىيۈسۈپ: «ئوردىكەنتكە بېرىپلا كېچىكتۈرمەي مەھمۇد تېگىننىڭ ئۆز قولىغا بېرىڭلار، بۇ مەكتۇپ بەك مۇھىم» دەپ تاپشۇرغانىدى، — دېدى.
سىڭلىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بەگتاش خېلىل ئورنىدىن
تۇردى: — بۇنى ئوبدان دېدىڭىز ئۇكام، مەكتۇپلارنى مەھمۇد تېگىندىن باشقا ئادەم بۇغرا قاراخانغا تاپشۇرالمايدۇ. مەن دەرھال ماڭاي. بېگتاش خېلىل چۈشلۈك تاماقتىمۇ ئولتۇرماي، ئىككى خىزمەتكارى بىلەن ئوپالغا كەتتى. «بۇ ئاكاممۇ بەك ياۋاش، ئاق كۆڭۈل، خوتۇنى تۇغۇتتا ۋاپات بولغاندىن بېرى شۆكلەپ كەتتى. مەنمۇ ئۆي — ئوچاقلىق بولغۇم يوقلۇقتىن يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن. لېكىن، ئەر كىشىگە تەس، ئۇنى ھىجران ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر مەھبۇب دۇنيادا يوقمىدۇ؟» دېگەن ئوي ئۇنى كەچ كىرگۈچە بىئارام قىلدى. بىردىنلا ئايسىلىڭ ئېسىگە چۈشۈپ «ئايسىلىڭ ئاكامغا ئەڭ ئىپاداردۇر ئالالايدۇ» دېگەن يەرگە كەلدى — دە، كۆڭلى ئارامغا چۆشكەندەك بولدى. بېگتاش خېلىل ئەتىسى كەچقۇرۇن ئوپالدىن كەلدى. — مەھمۇد تېگىنگە ئۇ مەكتۇپلارنى تاپشۇرۇپ بەردىڭىزمۇ ئاكا؟ — دەپ سورىدى ھويلىغا كىرگەن ئاكىسىنىڭ ئالدىغا ئىنتىلىپ بارغان دىلداربەكە. — بەردىم ئۇكام، بەردىم. ناھايىتى مەمنۇن بولدى. شاھزادىمۇ مەن بىلەن كېلىپ، «مەكتۇپلارنى دەرھال بۇۋامغا تاپشۇراي» دەپ ئوردىغا كىرىپ كەتتى. — ئەجەب ياخشى بوپتۇ، ئەمدى قارا نىيەت سويقەستچىلەر جازاسىنى تارتىدىغان بولدى، — دېدى دىلداربەكە. بىراق، ئىشلار ئۇ ئېيتقاندەك بولمىدى، ئاسىيلار جازالانماي قېلىۋەردى. ئارامگاھ سارىيىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرغان مۇھەممەد ئارسلانخان نەۋرىسى ئېلىپ كىرگەن مەلۇماتنامە بىلەن مەكتۇپنى قايتا — قايتا ئوقۇپ چىقتى، تاتىرىپ لەۋلىرىنى چىشلىدى، ئۆڭگەن چېھرى سارغايدى، چەكە تومۇرلىرى كۆپۈپ چىقتى، ئاقارغان ساقاللىرىنى تۇتاملاپ:
— بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس! زادىلا مۇمكىن ئەمەس! — دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
مەھمۇد تېگىن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغىچە، بويىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن مەكتۇپلارنى ئوقۇپ باقمىغانىدى.
— نېمە دەپ يېزىپتۇ خان بوۋا، نېمىشقا بۇنچە ئاچچىقلىنىلا؟ — دەپ سورىدى.
— مانا، ئۆزۈڭ ئوقۇپ باق، مېنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمنى قارىلاپتۇ! — غەزەپتىن لاغ - لاغ تىترەۋاتقان مۇھەممەد ئارسلانخان ئونى «سەن» دەپ مەكتۇپلارنى تاشلاپ بەردى.
مەكتۇپلارنى ئوقۇپ چىققان مەھمۇد تېگىن:
— خان بوۋا، چىچىلمىغايلا، بۇنىڭدا يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى راست، قەيسەربەگ بولۇۋالغان بوزاغۇنى سوراققا تارتسىلا، ھەممىنى بىلىدۇلا، تەكشۈرۈپمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.
مۇھەممەد ئارسلانخان نەۋرىسىنىڭ سۆزىدىكى مەنىنى چۈشەنمەي، ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ سورىدى:
— سەن مېنى يەنە خاپا قىلغىلى كەپسەن. قەيسەربەگ قانداقمۇ بوزاغۇ بولسۇن؟ ئۇ كۆپ يىللاردىن بېرى ماڭا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بوزاغۇ سەمەرقەنتتە يوقىلىپ كەتكەن ئەمەسمىدى، كېيىن «ئۆلۈپتۇ» دېگەن گەپ تارقالغانداغۇ، قەيسەربەگ مەن ئېلىكخان بولۇپ تالاستا تۇرۇۋاتقان چېغىمدىن باشلاپ ھالا بۇ كۈنگىچە ساداقەت بىلەن ماڭا قولچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى بىلىسەنغۇ، بالام؟ دېيىلگەن ئىسپاتلار يالغان، خانىش قۇماربېكەگىمۇ تۆھمەت چاپلىنىپتۇ. ياق، ئۇلار مېنى قوغدىماقچى ئەمەس، قىساس ئالماقچى … تەختىمنى تارتىۋالماقچى …
— يوقسۇ، خان بوۋا، سىلى خاتالىشىتلا، مەلۇماتنامىدە يېزىلغاندەك، قەيسەربەگ دارغا ئېسىلغان بولۇنبەگنىڭ ئوغلى، بوزاغۇنىڭ ئۆزى. ئۇ سەمەرقەنتتىكى جەڭدە ئۆلمىگەن، قېچىپ
كەتكەن. سىلى ئېلىكخان بولۇپ تالاستا تۇرغاندا، ئۇ يەرگە بارغان، خانىش قۇماربىكەنىڭ قەسرىگە يوشۇرۇنغان ھەم ئاغۋات بولۇۋالغان، كېيىن يۇغرۇش بېشى دوقابەگ ئۇنى سىلىگە «ئالىپ» دەپ تونۇشتۇرۇپ، جاندار بولۇۋېلىشقا سەۋەبكار بولغان. ئۇ جاندارلار بېشى بولغاندىن كېيىن، يوشۇرۇنچە قورۇق ئورداغا بېرىپ، مەرھۇم رەيھان دۆڭبەگنىڭ قىزى بىلەن كۆيۈت ئوغلۇنى قەتلى قىلغان …
— بولدى بەس! بۇنىڭ ھەممىسى يالغان! سەن مېنىڭ ئوردۇكەنتكە كېلىپ بۇغرا قاراخان بولغىنىمغا بەگىيۈسۈپتەكلا نارازى، ئەگەر خانىش قۇماربىكە، قەيسەربەگلەرنىڭ راستلا ئۆچ ئېلىش غەرىزى بولسا، نېمىشقا بۇ ۋاقىتقىچە ماڭا قول سالمايدۇ؟ نېمىشقا سەمىمىي ساداقەت بىلەن خىزمىتىمنى قىلىپ كېلىدۇ؟
مەھمۇد تېگىن ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇردى:
— خان بوۋا، سىلىنى ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كېلىشكە دەۋەت قىلىش — سۈيقەست ئەمەسمۇ؟ زىندانغا تاشلانغان سۇلايمان ئارسلانخان بوۋامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭ قارا قولى يوقمۇ؟ قان ئىچەر جاللات مۆگۈزنى زىندان بېشى قىلىشتا ئۇلارنىڭ يامان غەرىزى يوق، دەپ ئېيتالامدىلا؟ يولدا كېتىۋاتقان بەگىيۈسۈپ ئائىلىسىگە قىلىنغان زىيانكەشلىكنى ئۇلار قىلمىغان دېيەلەمدىلا؟
— بەس! — بوغۇلۇپ ۋارقىرىدى بۇغرا قاراخان، — مەن بۇ تۆھمەتنى ئېنىقلاپ چىقىمەن، نومۇسنى قان بىلەن يۇيىمەن. چىۋىشلىقنىڭ سۆزلىسە نەۋرەم ئۆردى، دەپ ئاياپ قويمايمەن. ئېيتىقنا، بۇ مەلۇماتنامە بىلەن مەكتۇپنى كىم ساڭا بەردى؟
— ئوردا ئالدىدا بىر پەنجىلىك خوتۇن بەردى.
— سەن ئۇنى تونۇمسەن؟
— تونۇمايمەن، خان بوۋا، — بۇۋىسىنىڭ گەپ يېمەيدىغانلىقىنى بىلگەن مەھمۇد تېگىن يالغان ئېيتتى. راستىنى دېسە، بەگتاش خېلىل، دىلداربىكەنىڭ ھاياتى خەۋپ
ئىچىدە قالاتتى. — ئەجەب باشقا ئادەمگە بەرمەي ساڭا بېرىپتۇ — ھە؟ — سىلىنىڭ نۆۋەتلىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، خان بوۋا. مۇھەممەد ئارسلانخان ئونىڭغا بۇرۇنقىدەك سۈرلۈك كۆزلىرى بىلەن سىنچىلاپ قاراپ كەتتى. — مەن ساڭا بەك ئامراق ئىدىم، ئۈمىدىمنى يەردە قويدۇڭ، خەپ! مەن ئېنىقلاپ چىقىپ ئاندىن جازايىڭنى بېرىمەن، ماڭ چىق! ئەلەمدىن قىزىرىپ كەتكەن مەھمۇد تېگىن: — ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ، خان بوۋا، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالماڭىلا، — دەپ ئېتتىك چىقىپ كەتتى. بۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئامراق نەۋرىسىنى ئىككىنچى قېتىم قوغلاپ چىقىرىشى ئىدى. ئۇ بىرنەچچە كۈنگىچە ئوردىدىنمۇ چىقماي، قۇماربىكەنىڭ قەسرىگىمۇ كىرمەي، ھەرەمدىكى خاس ھۇجرىسىدا باش ئاغرىقىنى باھانە قىلىپ يېتىۋالدى، يوقلاپ كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرىنىمۇ قوبۇل قىلمىدى. ھەتتا بوزاغۇ بىلەنمۇ كۆرۈشمىدى. ئۇ ھەممىدىن گۇمانلىنىپ قالغانىدى. — شاراب! — دەپ ۋارقىرىدى ئۇ قولىدىكى جامنى ئىشىككە قارىتىپ ئېتىپ. قۇماربىكە گۈلدار خۇمىنى كۆتۈرۈپ كىردى. — سەن نېمىگە كىردىڭ؟ شاراب دەپ زەھەر ئېلىپ كىرمىگەنسەن، قانجۇق! — نېمە بولدىلا شاھىم، مەن ئابىنجۇ خاتۇنغۇ، تونۇمايۋاتامدىلا؟ ئاغۇئاتلار ئېلىپ كىرگەن شارابنى ئىچىپ، خانىشلىرى ئېلىپ كىرگەن شارابنى ئىچمەمدىلا؟ ئىشەنمىسەلا ئاۋۋال مەن ئىچىپ بېرەي، — قۇماربىكە جامغا تولدۇرۇپ قويۇپ ئىچمەكچى، — زەھەر سالغان بولسام ئالدىلىرىدا ئۆلەي …
ئۇ ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋالغان ئېرىگە سوۋۇشۇپ ئولتۇرۇپ، يۇمشاق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ چېكىسىنى ئۇۋىلىدى، پېشانە، مەڭزىگە ئىسسىق لەۋلىرىنى ياقتى، ئۇچىسىنى سىلىدى. مۇھەممەد ئارسلانخان كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ يېتىۋەردى.
— شاھىنشاھىم، ماڭا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلغۇچە ئۆلتۈرۈۋەتسىلە بولمامدۇ؟ بىر تۇتام سېمىزلىكىم بىلەن قوللىرىغا چۈشكەندىم … ئاتام دارغا ئېسىلدى، تەلۋە ئاكام جەڭدە ئۆلدى، بىچارە ئانام ئۆلەم — ھەسرەتتە قازا قىلدى … ھېچنېمەم قالمىدى … سىلىنىڭ تەرەپلىرىگە سۇ بېرىپ كېلىۋاتقىنىمغا يىگىرمە يىلدىن ئاشتى، ماڭا بەكمۇ كۆيۈنۈپ كەلگەنسىلە، ئەمدى نېمە بولدى؟ بۇ ۋاقىتچە قاتتىق گەپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالىيىپمۇ قارىمىغاندىلا. مەگەر كىم كۆڭۈللىرى خۇش بولىدىغان بولسا، شەھشەھەرلىرى بىلەن قارنىمنى يېرىۋەتسىلە، سىلىگە يارىمىغان تېنىمنى ئىتقا تاشلاپ بەرسىلە! مەن ھەممە دەرد — ئەلەمگە چىدايمۇ، ئالىيلىرىنىڭ بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىسىگە چىدىيالمايمەن. مېنى دەرھال ئۆلتۈرۈۋەتسىلە، قوپسىلا، ئۆلتۈرۈۋەتسىلە، — قۇماربىكە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاسقۇدىكى قىلىچنى ئېلىپ ئۇچىنى كۆكسىگە تىرەپ، — قارنىمنى يارايلى، يۈرىكىمنى كۆرۈپ باقسىلا …
كۆزىنى ئاچقان بۇغرا قاراخان قورقۇپ كەتتى. سەكرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىدىن قىلىچنى تارتىۋالدى، ئاندىن قۇماربىكىنىڭ چاچلىرىنى سىلىدى. قولىدىن تارتىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى.
— يىغلىماڭ ئابىنچۇ خاتۇن، يىغلىماڭ، — دېدى كورپە ئۈستىدە دۇم يېتىۋېلىپ مىشىلداۋاتقان خانىشنىڭ ئاپپاق بوينىنى سىلاپ.
قۇماربىكە يىلاندەك بىر تولغىنىپ ئوڭدا بولدى. ئالىقانلىرى
بىلەن يۈزىنى توسۇۋېلىپ ئۆكسۈپ يىغلىدى. پومپىيىپ تۇرغان كۆكسى كۆتۈرۈلۈپ - پەسلەپ، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ھەۋىسىنى قوزغىدى. ئۇ قۇماربىكە پاتىنۇستىكى كۈمۈش جامغا تولدۇرۇپ قويغان مەيزاپنى ئىچتى. مەجۇن ئارىلاشتۇرۇلغان بۇ شاراب خاقانغا تېزلا تەسىر قىلدى، قۇماربىكە ئۇنى سىلاپ - سىيپاپ ئاخىرى ئېرىتتى.
— نېمە گەپلىرى بولسا ماڭا دېسىلە خاقانىم. نېمە بولدى زادى؟ چۈشلىرى بۇزۇلۇپ قالدىمۇيا؟ بىرەر يامان خەۋەر ئاڭلىدىلىمۇ؟ سىلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئىش بولسا، جېنىمنى بېرىشكە تەييارمەن، — دېدى ئۇ ئەرنىڭ مەيدىسىگە باش قويۇپ.
مۇھەممەد ئارسلانخان مەكتۇپ بىلەن مەلۇماتنامىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېرىپ دېدى:
— ئابىنچۇ خاتۇن، ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، مەن قانداق خاتىرجەم بولالايمەن؟ …
— شاھىنشاھىم، — خانىش ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزىنى تارتىۋالدى، — راست، ۋاپادار خانىشلىرى بىلەن ئوزاقتىن بېرى خىزمەتلىرىدە بولۇپ كەلگەن سادىق يوغرىش باشىنى ئۆلتۈرمىگۈچە خاتىرجەم بولمايدىلا. ئاجىزە قوللىرىنىڭ بوينى ئېگىكلىك، ھازىرلا بوغۇزلۇۋەتسىلىرى بولىدۇ، — قۇماربىكە تىزلىنىپ بوينىنى ئەگدى.
— نېمىلەرنى دەۋاتىسىز، ئابىنچۇ خاتۇن؟ سىزنى ئاسىيلىق قىلدى دەپتىمىغۇ، بۇ بەگىيۈسۈپنىڭ گېپىغۇ. سىز ھەرگىزمۇ خانلىقىمىزغا قاراشلىق سانالمايسىز. سىزگە تۆھمەت قىلىنغان. مەن ئۇ دەيۈزلەرنىڭ جازاسىنى بەرمەي قويمايمەن! — مۇھەممەد ئارسلانخان خانىشنى باغرىغا باستى.
— مەنمۇ ھەمىشە يانلىرىدا، شاھىنشاھىم. قىلغان ئىشلىرىم، ئوي - پىكرىمدىن تارتىپ سىلىگە بەش قولدەك ئايان، ئەمما قەيسەر بەگنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمەيمەن. ئوبدان
كۆرسىتىپ قىلمىشلىرى سېزىلسە، دەرھال كاللىسىنى ئالسلا، شاھىم. ھەزرەتلىرىگە ئاسىيلىق قىلغان تۇزكورنى ھەرگىز تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
— قەيسەربەگمو ماڭا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئابىنچۇ خاتۇن. ئۇ دائىم يېنىمدا، ناھايىتى ساداقەتمەن، ئاسىيلار: بەگتۈسۈپ بىلەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى.
— خاقانىم، ئۇ ئاسىيلارغا قانداق تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتىدۇلا؟ — سورىدى قۇماربېكە قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تاراپ.
— خانىش، مەن ئوغلۇم ھۈسەيىن ئارسلانخاننى ئوردىكەنتكە چاقىرتىپ كېلەيمىكىن دەيمەن.
— ئوبدان ئويلاپتىلا شاھىم. ۋەلىئەھدى ئەمەسمۇ، چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنى بۇ تۆھمەتتىن ئاقىپلاندۇرۇشلىرى زۆرۈر، ئەلۋەتتە.
— ئاقىپلاندۇرۇپلا قالماي، ئۇنى ئورنۇمغا تەختتە ئولتۇرغۇزماقچىمەن، ئابىنچۇ خاتۇن.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قۇماربېكە تىترەپ كەتتى ۋە بۇ ھالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يۈزىنى ئۇنىڭ مېھرىگە قويدى.
— ھۈسەيىن ئارسلانخان گەرچە مەندىن چوك بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا بالا ئورنىدا، شاھىنشاھىم. ئۇ بۇغرا قاراخان بولسا بەك خوش بولىمەن. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىك، ھەم باتۇر، قارا نىيەت تۆھمەتچىلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ، — دېدى.
— مەن ياشىنىپ قالدىم، ئابىنچۇ خاتۇن. ئوغلۇم كېلىپ تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، قارا نىيەت تۆھمەتچىلەرنى جازالاش ئۈچۈن، بەش تۈمەن لەشكەر بىلەن قۇزئوردۇغا يۈرۈش قىلدۇرىمەن، — مۇھەممەد ئارسلانخان قۇماربېكىنى يەلكىسىدىن تۇتۇپ كۆزلىرىگە قارىدى، — يەنە يىغلاۋاتامسىزغۇ؟
— خوشاللىقىمدىن، شاھىنشاھىم. ھۈسەيىن ئارسلانخانغا ئوغلۇم ئىبراھىم تېگىن ئىز باسار بولىدۇ. قۇزئوردۇغا يۈرۈشكە
ئاتلانغاندا، ئوغلوممۇ ھەمراھ بولۇپ بارسۇن، ئەمدى ئۇ توغرۇلۇق غەم قىلىپ بىئارام بولمىسىلا، مەن كۆڭۈل ئاراملىرىنى بۇزغان غەم - غۇسسىنىڭ شۇم قوشلىرىنى باشلىرىدىن قوغلېۋېتەي، — دېدى يېشىنكەن قۇماربېككە، ئېرىنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئىچىدە بولسا «كالتۇ خان، ئوغلۇڭ كەلسۇنچۇ قېنى، شۇ چاغدا ئەجەل شارابىنى ئىچۈرىمەن» دېدى زەھەرخەندىلىك بىلەن. خان ئېرىنىڭ بوزاغۇغا مەلۇماتنامە، مەكتۇپ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى. ئېھتىمال، «ساداقەتمەن» ۋەزىرىنىڭ كۆڭلىنى ئايرىغان بولسا كېرەك. نورۇز بايرىمىدا ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى خالىماي، قۇماربېكنىڭ يېنىدا كۆڭۈل ئاچتى. ھۈسەيىن ئارسلانخانغا قانداق مەزمۇندا پەرمان يېزىش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتى، پەرماننى كېيىنرەك ئەۋەتمەكچى بولدى. بۇ ئارقىلىق مەلۇماتنامە ۋە مەكتۇپقا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى ئىدى. قۇماربېك بۇنىڭدىن خوشاللىنىپ تەييارلىقنى جىددىيلەشتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
پەرمان باھارنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا قارا باخشى دېگەن ئەشكەنجىدىن ئەۋەتىلدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، باشتا ھۈسەيىن ئارسلانخان تاپشۇرۇۋالغان مەكتۇپ ئەنە شۇ پەرمان ئىدى …
3
دىلداربېكە قوپقاندا، خوراز چىللىغانىدى. ئۇ بالىخانىنىڭ ئاقىرىپ تۇرغان دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىدى. ھاۋا قاشتىشىدەك سۈزۈك بولۇپ، ئون تۆت - ئون بەش كۈنلۈك ئاي ئوردا ئالدىدىكى چوڭ كۆلگە چۆمۈلۈپ تۇراتتى. بىللۇردەك تىنق ئاسماندا يۇلتۇزلار چاقنايتتى. دىلداربېكە كۆزنەكنى ئېچىپ قويدى. مەيىن تال چاچلىرىنى سۆيۈپ ئۆتۈپ توغاچتەك مەڭزىگە ئورۇلدى …
مانا مۇشۇ بالىخانىدا يىگىرمە يىللار ئىلگىرى، قوزغۇردىندىن ئاتىسى بىلەن بىللە كەلگەن بەگىيۈسۈپ ئالتە ئاي تۇرغانىدى. قارا قاش، قارا بۇرۇت ئويچان يىگىتكە قىزنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەي كۆپ دەرد تارتتى… شۇنىڭدىن تارتىپ ئۈسال تاپالمىغان ئىشقنى كېسەللىككە بېرىپ، ياتلىق بولمىدى. ئاتىسى تۆمەن دەرياسى بويىغا كاتتا قورۇ سالدۇرۇپ، بۇ ھەسرەتلىك كېسەللىرىنى داۋالاشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. دىلداربىكە ئونلىغان شاگىرت، خىزمەتچىلىرى بىلەن كېسەل داۋالاپ، كۆنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي، چوكانلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەيلا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جۇۋان بولۇپ قالدى. ئۇ بەختىنى يوقاتقان بولسىمۇ، گۈزەللىكىنى يوقاتمىغانىدى. ئۇ كۈلكىسىنى يوقاتقان بىلەن پەزىلىتىنى يوقاتمىغانىدى. ئۇنىڭ چاچلىرى قارا ھەم بولۇق بولۇپ، تاپىنىغا چۈشۈپ تۇراتتى. ئاققۇچ ئويچان چىرايىدىن ئەر - يىگىتلەر تەپ تارتىدىغان تېمەنلىك چىقىپ تۇراتتى. شەھلا كۆزلىرىدە چاقناپ تۇرغان نۇر ئۇنى كىشىلەرگە يېقىملىق كۆرسىتەتتى.
دىلداربىكە كۈندە دېگۈدەك، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوردىدىكى ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلاردىن ھال - ئەھۋال سوراپ كېتەتتى. بەزىدە قونۇپ قالاتتى، قونۇپ قالسىلا بالىخانا ئۆيدە ياتاتتى.
ئۇ چولپان تۇغقۇچە دەرىزىدىن كۆككە سەپ سېلىپ تۇردى. «بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇرغانمىدۇ؟ ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش دەرىزىدىن قاراپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماDifficulty قىلىۋاتقانمىدۇ؟ يا قوزغۇردۇ كۆكىنى بولۇت قاپلىۋالدىمىكىن؟ بەلكىم يېزىق شەرتى يېنىدا ئۇيغۇ چۆكۈپ ئولتۇرغاندۇ! كىمنى ئويلاۋاتىدۇكىن، مېنى ئويلامدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئويلايدىغانلىرى ھەقىقەتەن كۆپ. قىزى بۇۋىنىشەگە ئىچىم بەك ئاغرىيدۇ، ياشلا بالىسى بىلەن تۇل قالدى. ئاجايىپ ئاق كۆڭۈل، پەزىلەتلىك ئىكەن. بەگىيۈسۈپ بۇ قىزىنىڭ ئانىسىنى ئۇنتۇپ كېتەلەمدۇ … »
تىكلەشكەن تولۇن ئايغا باققانچە خىيال سۈرۈپ قالغان دىلداربىكە كەينىگە يېنىپ ھويلىغا چۈشتى. ھېچكىم ئورنىدىن تۇرمىغانىدى، ئۇ تاھارەت ئالدى. ئونىڭغىچە بامدات نامىزىغا ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ بالىخانىغا چىقىپ نامازغا ئولتۇردى، دۇئادىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ شامنى يورۇتتى. كېچە ھەرقانچە ئايدىڭ بولغان بىلەن كىتاب ئوقۇغىلى بولمايتتى. ئۇ بەگىيۈسۈپ سوۋغا قىلغان «كىتابۇش شىپا» نى ئاچتى، ۋاراقلاپ - ۋاراقلاپ، كىتابنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىپ قويۇلغان بىر پارچە قەغەزگە كۆزى چۈشتى. «ئەجەب بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن» دەپ، كىتاب بېتىگە يېپىشىپ قالغان نۆۋەت رەك نېپىز قەغەزنى قولىغا ئالدى، ئۇنىڭغا قىسقىلا خەت يېزىلغانىدى:
«مەن بالىلىرىمنىڭ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدىم. سىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن. سىز بىلەن يەنە دىدار كۆرۈشۈشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىمەن.»
خەت يازغۇچى ئىسمىنى يېزىپ قالدۇرمىغانىدى. لېكىن، دىلداربىكە بۇنى بىلىۋالدى. «بۇ بەگىيۈسۈپنىڭ خېتىغۇ. نېمىشقا كىتابنىڭ قېتىغا سېلىپ قويىدىكەن؟» دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاپ، باغرىغا بىر ئوت تۇتاشقاندەك بولۇپ، ۋۇجۇدى قىزىپ كەتتى، خەتكە قارىغىنىچە ئۇزاق ئولتۇردى. خىيالىدىن باشقا ئىشلارمۇ كەچتى. «مەھمۇد تېگىن بەگىيۈسۈپنىڭ خېتىنى بوۋىسىغا تاپشۇرغانمىدۇ؟ قانداق جاۋابقا ئېرىشتىكىن؟ ئەجەب ئاكامدىن سوراپ باقماپتىمەن، ئاكاممۇ ماڭا دېمىدى. قوزۇردۇغا ئادەم ئەۋەتىشى زۆرۈر ئىدى، ئەۋەتتىمىكىن؟ …»
دىلداربىكە پارچە قەغەزدىكى قۇرلارغا يەنە كۆز يۈگۈرتتى. «بەگىيۈسۈپكە سالامەت ئوردۇكەنتكە يېتىپ كەلگىنىمىز توغرۇلۇق خەت يېزىپ قويدام بولاتتى، قولۇم بارمايۋاتىدۇ. نېمىشقا يازمايمەن، بۇ قانداق تۇيغۇ؟ …»
بۇ تۇيغۇ ئەمەس، ئۇ ھەممە ئادەمدىن سىر تۇتۇپ كەلگەن
مۇھەببەت — بېگىيۈسۈپ قوبۇل قىلمىغان سۆيگۈ ئىدى. مانا شۇ مۇھەببەت ئونىڭغا شۇنداق بىر غۇرۇر ئاتا قىلغانىدىكى، پىراق ئوتىدا كۆيۈپ پۇچىلىنىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئېغىز ئاچماسلىق ئەھدىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ھېچكىمنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۆز سۆيگۈسىنى پاك پېتى ساقلىدى. بېگىيۈسۈپكە ئەمدى بۇنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بىر پارچە كۆڭۈل ئىزھارىغا تاكى ئۇ ئالدىغا كەلمىگۈچە جاۋابمۇ بەرمەيدۇ.
ئۇ شۇ خىياللار بىلەن پەسكە چۈشتى. ئىچكىرى ھويلىدىن چىقىۋاتقان ئاكىسىنى كۆردى، ئۇ مەيۈس، غەمكىن ئىدى.
— ئەسسالام ئاكا، ئوبدان تۇرۇپتىلىمۇ؟ — ئېگىلىپ تەزىم قىلدى دىلداربەگىم.
— خۇداغا شۈكۈر، سىڭلىم، سىلىمۇ ياخشى ئۇخلىغانلا؟ قوزغۇردىن كەلگەندىن بېرى يەنە تارتىلىپ قاپتىلا، — دېدى بەگتاش خېلىل سەپەرلەپ.
— ئاكام بەگتاش جېلىلدىن خەۋەر بارمۇ؟
— بار، ئوكم، قوزغۇردىن كەلگەندىن بېرى، ئونىڭ كېپەك دىيارىدىن ئەۋەتكەن يۈز تاي تاۋار — دۆردۇنلىرىنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلىگە چاچقان تاۋىردىن ئون توپ ئەۋەتىپتۇ. نەچچە كۈندىن بېرى قوزغۇرغا ماڭىدىغانلارنى ئۆزىمىز، دەپ ئەۋەتىپ بېرەلمىدىم.
دىلداربېكە ئاق چېچەكلىك رەڭدار گىلەم سېلىنغان پېشايۋان سۇپىسىدا، ئاكىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.
— تاۋارنى قوللىرى بوشىغاندا ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، ئاكا. قوزغۇرغا يولغا سالغان كىملەر ئۇ؟
— مەرھۇم سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ خانىشى ئايزادە تۈركەن خاتۇن بىلەن ئوغلى ياقۇپ تېكىن ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى، مۇھاپىزەتچىلىرى. مەھمۇد تېكىن يولغا سالدى، مەن ياردەملەشتىم، ئوكم.
دىلداربېكە ئولتۇرۇپ كېتىپ يەنە سورىدى:
— مەلىكە ئايزادە تۈركەن خاتۇن، ياقۇپ تېگىنلەر نېمىشقا قوزغۇردۇغا كېتىدىغان بوپتۇ، ئاكا؟ بەكتاش خېلىل سۆزلەپ بەردى: — ئېلىكخان بىلەن بەگتۈسۈپنىڭ مەكتۇپلىرىنى مەھمۇد تېگىنگە بەرگىنىمدىن خەۋەرلىرى بار. ئۇ مەكتۇپلارنى بۇغرا قاراخانغا تاپشۇرۇپتۇ، بوغۇسى ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ. مەكتۇپنى ئوقۇپ يېزىلغانلارغا زادىلا ئىشەنمەي، مەھمۇد تېگىننى سارايدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. مەن بۇنى ئۆزىدىن ئاڭلىدىم. ئۇ «بۇۋام ئەسەبىيلەشتى، مەكتۇپلارنىڭ مەزمۇنىنى قۇماربېكە، بوزاغۇلارغا ئاشكارىلىسا، ئۇلار قارشى تەدبىر قوللانماي قالمايدۇ. ئۇ ھالدا سۇلايمان ئارسلانخان بوۋامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا، بولۇپمۇ چوڭ خانىش ئايزادە تۈركەن خاتۇن بىلەن ياقۇپ تېگىنگە زىيان - زەخمەت يېتىشى مۇمكىن. ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۇلارنى قوزغۇردۇغا يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇۋاتىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سودىگەر سىياقىدا ياساندۇرۇپ، يوشۇرۇنچە بىزنىڭ تۆشۈك دەرۋازىدىكى سارايغا ئېلىپ كەلدۇق ۋە بارچۇق①قا ماڭىدىغان كارۋانغا قوشۇپ قويدۇق. — ھە، شۇنداقمۇ؟ — مەھمۇد تېگىن ۋە ياقۇپ تېگىنلەرنىڭ سودىگەر سىياقىغا كىرگەن بىر قىسىم مۇھاپىزەتچىلىرىمۇ ئۇلارنى قوغداپ بىللە كەتتى. مەن ئەللىك تاي مال بىلەن ئىككى خىزمەتچىمنىمۇ ئۇلار بىلەن ماڭدۇردۇم، ئۇكام. — تولىمۇ ئوبدان بوپتۇ، ئاكا. مەھمۇد تېگىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخانغا مەكتۇپ يېزىپ بەردىمۇ؟ — يېزىپ بەردى، سىڭلىم، بەگتۈسۈپمۇ يازدى. مەنمۇ سالامەت ئوردۇكەنتكە يېتىپ كەلگىنىمىز ھەققىدە مەكتۇپ
① بارچۇق — مارالبېشىنىڭ قەدىمكى نامى.
يېزىپ ياقۇپ تېگىنگە بەردىم. ئىككى - ئۈچ ئايغا قالماي ئۇلار پۈتۈن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپىدۇ.
- بۇغرا قاراخان خانىش قۇماربىكەدىن مېھرىنى ئۈزەلمەپتۇ. ئۇنىڭ سوۋىقەست بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنمەپتۇ. سىلى مەھمۇد تېگىن بىلەن پات - پات كۆرۈشۈپ تۇرسىلا.
- ئوپالغا كەتتى. قارىغاندا بۇغرا قاراخان ئۇنى قاتتىق رەنجىتىپ قويغان ئوخشايدۇ، كەلسىلا كۆرۈشمەي قالمايمەن، سىڭلىم. دىلداربىكە ئەتەنگىلىك چايدىن كېيىن ئۆز قورۇسىغا كېتىۋېتىپ، يەنە خىيال سۈرۈپ قالدى. «ياقۇپ تېگىنلەرنىڭ ماڭىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، بەگىيۈسۈپكە، ياق - ياق، بۇۋىئايىشەگە مەرۋايىت دوپپىدىن بىرنى، بەگتۈرمىشقا بىر خەنجەر ئەۋەتكەن بولاتتىم. خەير، بوپتۇ، يەنە پۇرسەت كېلەر» ئۆ ئويلىغان نەرسىلىرىنى ئەۋەتەلمىگىنى ئۈچۈن كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى. كۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى. دىلداربىكە ھەر كۈنى بىر - ئىككى قېتىم جىلتتا ئىچىدىكى كىتابنى ئېچىپ، ھېلىقى قەغەزدىكى خەتكە تىكىلەتتى، بۇ خەتلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلايتتى. ئىشىكتىن كىرىشكە قارا پەردىلىك بىر ئايال ئۇنىڭغا سوغۇقشۇلا ماڭدى، كېسەل كۆرىدىغان ئايۋان ئۆيگىمۇ ئارقىسىدىن كىردى. دىلداربىكە بۆلۈجۈكتىكى كېسەل كۆرىدىغان ئورنىغا بېرىپ يېكەندازغا يۆكەندى. تارتىلغان پەردىنى قايىرىۋېتىپ، سوغۇدشۇپ كىرگەن ئايالغا كۆز تىكتى.
- قەيىرىڭىز ئاغرىيدۇ؟ - سورىدى ئايالدىن. ئايال جاۋاب بېرىش ئورنىغا پەردىجىسىنى بېشىدىن ئېلىۋەتتى. دىلداربىكە قاراپلا، بۇ قارا تەنلىك ئايالنىڭ باشقا تائىپىتىن ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئايال زوۋان سۈرمەي مەخمەل
283
جىلىتكىسىنى، كۆڭلىكىنى سىلىۋەتتى. قان يوقى ئۈچ كۆڭلىكىنى مۈرىسىگىچە قايرىپ ئۆرۈلدى. دۈمبىسى قامچا زەربىسىدىن تىلىم - تىلىم بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ يەرلەردىن ھېلىمۇ قان تېپىپ تۇراتتى. دىلداربىكە چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتى. ئىچى سىيرىلدى. بويى ئېگىز، زىلۋا، قاپقارا كۆزلىرى بوتىنىڭكىدەك يوغاندىن، بەللىرى ئىنچىكە بۇ نازىنىڭغا كىم بۇنداق زۇلۇم قىلغاندۇ؟ ئۇ خاقانىيە تىلىدا سۆزلىشەلەمدىغاندۇ؟ ئايالدىن زۇۋان چىقتى:
— ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، مەن داۋالانغىلى ئەمەس، زالىمنىڭ زۇلمىدىن پاناھلانغىلى كەلدىم. كۆرۈپ تۇرۇپلا، ئاللا ھەققىدە ياردەم قىلغان بولسىلا …
«ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىكەن، بۇ يەرگە كېچىدە كەلگەن ئوخشايدۇ، چىرايلىق قىز ئىكەن» دەپ ئويلىغان دىلداربىكە ئورنىدىن تۇرۇپ:
— تۇرۇڭ سىڭلىم، كىيىمىڭىزنى كىيىپ كەينىمدىن مېڭىڭ، — دېدى.
قارا تەنلىك قىز ئۇنىڭ كەينىدىن ھويلىغا چىقتى. غۇچچىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئەتىرگۈللەرنى ئارىلاپ ئوڭ تەرەپكە بۇرانىدى. يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن چىقىپ ساراي ئۆيگە، ئاندىن كىچىكرەك بىر ئۆيگە كىردى.
دىلداربىكە ئىككى ياردەمچىسىنى چاقىرىپ، دورا تەييارلاشنى بۇيرۇدى. چۆمبىلىنى قايرىپ قارىغان ئايالغا كۆز سېلىپ:
— ئەمدى كىيىملىرىڭىزنى سېلىڭ، — دېدى.
— ئاۋۋال ماڭا خالىس ياردەم قىلىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ۋەدە بېرىڭ، بولمىسا ھازىرلا كېتىمەن، — دېدى قارا تەنلىك ئايال خېلىلا كېسىكنلىك بىلەن.
— تەڭرىم ياردەم قىلىشقا مېنى تاللاپ، سىزنى ئالدىمغا كەلتۈرگەنكەن، جان - دىلىم بىلەن ياردەم بېرىمەن. ۋەدەم ۋەدە! — دېدى دىلداربىكە مۇ قەتئىيلىك بىلەن.
ئايال پەرەنجىسىنى ئېلىۋېتىپ كىيىملىرىنى سالدى. تامبالغا كەلگەندە ئىككىلىنىپ قالدى.
— تامبىلىڭىزنىمۇ سېلىڭ، كېسىلىڭىزگە زەخمىلەنگەن ئوخشايدۇ.
قارا تەنلىك قىز قىپيالىڭاچ بولدى. ئۈستىخانى ئاجايىپ كېلىشكەن بۇ قىزنىڭ ئۆچى قارا ئۆرۈكتەك پارقىراپ تۇراتتى.
دىلداربەك ياردەمچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئوچىسىغا يامراپ كەتكەن قانلارنى ئېرتىپ پاكىز تازىلىدى. جاراھەت ئېغىزلىرىغا مەلھەم سۈرۈپ، شامالداتتى، ئاندىن ئاپپاق نېپىز بوز رەخت بىلەن ئوچىسىنى تاڭدى.
— ھەر كۈنى بىر قېتىم تاڭىمەن، سىز بۇ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىسىز، تاماق، چاي، يېمەكلىكلەر خالىغان ۋاقتىڭىزدا ئەكىرىپ بېرىلىدۇ، — دېدى ئىچى ئېچىشقان دىلداربەك.
— رەھمەت، ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم.
— ئېرىڭىز ئۇرۇپ جاراھەتلەندۈردىمۇ نېمە؟
— شۇنداق، ئاتاساغۇن خېنىم، — قارا تەنلىك قىزنىڭ تېرى تۆرۈلدى.
— نېمىشقا ئۇردى؟
— سۆزلىرىمگە قۇلاق سالدىڭ، دەپ گۇمانلانغان چىغى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى.
— كىملەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاندىڭىز؟
— مەن قەستەن قۇلاق سالمىغان …
دىلداربەك چۈشىنەلمىدى.
— ئەجەب ئىش، ئېرىڭىز لاتىپۇرۇشمۇ؟
قارا تەنلىك ئايال بېشىنى چايدى.
— ياق، ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم.
— ئۇنداق بولسا قاسساپمۇ؟
— ئېرىم لاتىپۇرۇشمۇ، قاسساپمۇ ئەمەس، بۇغرا قاراخاننىڭ يوغروش بېشى قەيسەربەگ، خېنىم.
— قەيسەربەگ؟ … ئېيتىڭىز نېمە؟ — مايمۇنە، — قىز بولغان ئەھۋالنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى …
4
تومۇزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆتمەكتە. تىنچىق دىمىق كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ بولۇۋاتاتتى. شامال، يامغۇردىن ئەسەر يوق ئىدى. قەشقەرنىڭ ئوزۇن — قىسقا، كەڭ — تار كوچىلىرى ئىسسىقتىن قايناپ كەتكەندى، ئىسسىققا چىدالمىغان مۇھەممەد ئارسلانخان ئوپالدىكى خانلىق باغچىغا كەتكۈچە، كۈنلىرىنى شىكار قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. بوزاغۇ ئوردىنىڭ ئۆزىگە ئۆزگە قالغىنىدىن شۇنچە خوش ئىدى. قەيەرگە بارسا بىللە ئېلىپ بارىدىغان ئېرىنىڭ بۇ قېتىم ئۆزىنى ھەرەمدە قويۇپ كەتكىنىدىن قۇماربىكە ئاچچىقلانمۇ كەتكەندى، كۆڭلىگىمۇ ئالمىدى، ئۇ كۈندە دېگۈدەك ئوغلى، ئاكىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىنىۋاتاتتى. ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئۆزىدىنمۇ، ئاكىسىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالغىنىنى، ئەمما ئاسانلىقچە ئاز كېچەلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. ھۈسەيىن ئارسلانخان كەلگۈچە تەختنى تارتىۋېلىش تەييارلىقىنى تاماملاش زۆرۈر ئىدى. ئۇلار بۈگۈن كېچىچە مۇشۇ ھەقتە پىكىرلەشمەكچى. قۇماربىكە دېرىزىدىن قاراپ ئولتۇرغاندا، ئوغلى ئىبراھىم تېگىن قەسر ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان بۇ ئوغلىنى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، بويۇنغا سەپىسىلىپ: — ساقلىقىڭنى نېمىشقا قېرى ئادەمدەك قويۇۋەتتىڭ؟ بۇنداق يۈرسەڭ كۈمۈش تارىم ئەپرۇزەبىكەنىڭ كۆڭلى سەندىن سوۋۇپ
كەتمىسۇن، ئوغلۇم، دېدى ئوغلۇنى قەسىرنىڭ ئوردا بېغىغا قارايدىغان كۆركەم دەھلىزى بار، ئىستىراھەت ئۆيىگە باشلاپ.
بويى پاكار، گۆشلۈك يۈزىدە چېچەك ئىزى بار ئىبراھىم تېگىن بېشىغا ئالتۇن ئوتۇغات، ئۈستىگە شاھى كەمزۇل كىيىپ، بېلىگە قىلىچ ئېسىۋالغانىدى، سەمىرىپ كەتكەچكە، قورسقى تومپىيىپ چىقىپ قالغاندى. يۈزىدىكى چوقۇرلارنى ساقىلى يېپىپ تۇراتتى.
ساقال ماڭا يارىشىدۇ، ئابا، قويۇۋەتكىنىم ياخشى، ئىبراھىم تېگىن ئۆسكىلەڭ سارغۇچ ساقىلىنى سىيپاپ، تۆرۈدىكى بىر پايىلىك تەختكە چىقىپ ئولتۇردى، تاغام، قېيىنئاتاملار كەلمەپتىغۇ؟ كېچىكىپ قالماي، دەپ ئېتتىك ماڭغانمۇ تېخى.
ئادەم ئۈچۈن سۆزىدە تۇرۇش ياخشى خىسلەت. سۆزىدە تۇرغان ئادەم تىلىگەن ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ.
بۇغرا قاراخان بولۇش ئارزۇيۇممۇ چوقۇم يېتەلەيمەن، ئابا؟ شاھزادە ھىجايدى.
ئەلۋەتتە، يېتىسەن، ھۈسەيىن ئارسلانخان يەنە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يېتىپ كېلىدۇ. سەن تەختنى ئۇنىڭغا تارتىقۇزۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك! قۇماربەك تەخچىدىكى خۇمرىدىن بىر پىيالە شاراب قويۇپ بەردى، قېيىنئاتاڭ كەلگۈچە روھلىنىۋال.
ھەرگىز تارتىقۇزۇپ قويمايمەن، ئابا. ئۇنى ئورداغا كەلمەستىلا ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ، دېدى ئىبراھىم تېگىن، ئاندىن شارابنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى.
ئالدىرىما، ئوغلۇم، بۇ سۆز باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز ئاغزىڭدىن چىقىپ كەتمىسۇن. كۆرۈنۈشتە ئاكاڭنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغاندەك بولۇۋېلىپ، قىلىچىڭنى ئۇنىڭ بېشىغا تۇرۇشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرغىن. ھەرگىز چاندۇرۇپ قويما، سەھلا بىخەستەلىك قىلساڭ، تەختتىن قۇرۇق قالىسەن،
قۇماربېككە ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى، كېنىزىكى ئايچىچەك كىردى. — ئالتۇن تارىم، يوغروش بېشى كەلدى. — باشلاپ كىر! — باش ئۈستىگە، — ئايچىچەك چىقىپ كەتتى ۋە تېزلا كىرىپ، ئىشىككە تارتىلغان كېپىنەك گۈللۈك پەردىنى قايرىپ تۇردى. بوزاغۇ بىلەن دوقاقبەگ تەڭلا كىردى. ئىبراھىم تېگىن دەسلەپ قېيىنئاتىسىغا، ئاندىن ئاكىسىغا سالام بەردى، لېكىن تەختتىن تۇرمىدى. قۇماربېككە ئۇلاردىن ھال سوراپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بوزاغۇ ئىبراھىم تېگىننىڭ ئوڭ تەرىپىدە، دوقاقبەگ سول تەرىپىدە كۆرپىگە چۆكۈپ ئولتۇرۇشتى. — ئۆزلىرىمۇ ئوبدان تۇرغانلا سىڭلىم، تۈنۈگۈندىن بېرى ئىشلار ئالدىراش بولۇپ كېتىپ كېلەلمەي قالدىم. بۈگۈن پېشىن نامىزىدىن كېيىن دوقاقبەگ جانابلىرى بىلەن ھەرەمگە كىرەيلى دەپ تۇرساق، ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن ۋاقىپلاندۇرغۇچى چاپارمەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ھايال بولۇپ قالدۇق. — قاچان كېلىدىكەن، ئاكا؟ — ئالدىراپ سورىدى قۇماربېككە سەل جىددىيلىشىپ. — ئەتە كېلىدىكەن، سىڭلىم، بۈگۈن ئارتۇچتىكى سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىنىڭ مازىرىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. مەن ئوپالدىكى بۇغرا قاراخاننى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن چاپارمەن ئەۋەتتىم. ۋەزىيەتنى ئوبدان كۆتۈرۈلمىساق بولمايدۇ — دە، — دوقاقبەگكە مەنىلىك قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئوپالغا ئۆزۈم باراي دېسەم، بەزى زۆرۈر ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرالماي قالىدىكەنمەن. بولۇپمۇ بۈگۈن سىلى بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالمىساق بولمايدىغان مۇھىم ئىش بار، — دېدى
بوزاغو.
دوقاقبەگ قېرىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ چاچ - ساقاللىرىلا ئەمەس، قاش - كىرپىكلىرىمۇ ئاقىرىپ كەتكەنىدى، لېكىن دىلى بۇرۇنقىدەكلا قارا ئىدى.
— تاغا، ھېلىقى يوقاپ كەتكەن زەڭگى خوتۇنلىرىنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ — سورىدى ئىبراھىم تېگىن ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭدىن ئاڭلىغانلىرى بىردىن ئېسىگە چۈشۈپ.
بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغان قۇماربېكەمۇ، دوقاقبەگمۇ ھەيران بولۇشۇپ بىر - بىرىگە ئەجەبلىنىپ قاراشتى.
— تاپتىم، شاھزادەم. ئۇ بەدبەخت نەگە كېتەتتى؟ تۆمەن بويىدىكى چاتقاللىقتىن تېپىۋالدۇق. قاچقىنىغا مىڭبىر پۇشايمان يېگۈزدۈم.
— بۇ قانداق گەپ، ئاكا، ھېلىقى سىلى سېتىۋالغان قول قىز مايمۇنە قاچقانمىدى؟ توۋا، تۇتۇلغىنى ئوبدان بوپتۇ. بۇرنىنى كېسىۋەتسىلە ئۇنىڭ.
— خوتۇن خەقنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكى بۇرنى بىلەن كۆزدە، سىڭلىم، پۈتۈننى يۇيۇشقۇمۇ ئەزالىرى بېجىرىمرەك بىرى بولمىسا بولمايدۇ.
تاغىسىنىڭ سۆزىدىن ئىبراھىم تېگىن كۈلدى، دوقاقبەگنىڭ تېرى تۆرۈلدى.
— باشقا گەپنى قويۇپ، مەقسەتتىن سۆز ئاچايلى. ھۈسەيىن ئارسلانخان كەلسە ئىشلار ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بىز قاچان، قانداق قىلىپ، تەختتە ئىبراھىم تېگىننى ئولتۇرغۇزىمىز. مۇشۇ ھەپتە مەسلىھەتنى پىشۇرۇۋالايلى؟ — دېدى دوقاقبەگ پۇشۇلداپ تىنىپ.
بوزاغو، دوقاقبەگ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قۇماربېكە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ماقۇللاپ:
— يىگىتلەردە تۇتۇغلاركى، ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ تەختكە ئولتۇرىدىغان كۈنى ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ بالا - قازاغا ئۇچرىغان
ۋاقتى بولىدۇ. ئوغلۇم ئىبراھىم تېگىنمۇ شۇ كۈنى تەختتە ئولتۇرىدۇ. دوقاقبەگ جانابلىرىنى بارسغانغا، ئاكامنى بالاساغۇنغا ئېلىكخان قىلىپ يارلىق چۈشۈرىدۇ. مانا مەن ئالتۇن تارىم تۈركەن خاتۇن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىمەن، ئوغلۇمنىڭ تاج كىيىشىگە كىم قارشىلىق قىلىدىكەن، جايدىلا ئۆجۈقتۈرۈلۈشى كېرەك. مەھمۇد تېگىننى ھەرگىز قاچۇرۇپ قويماڭلار! دەپ تاپىلىدى. ئۇنىڭ سۆزىدىن بىر قېتىملىق قانلىق قىرغىن بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ھەرگىز قاچالمايدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مۆھسۈننى مەسئۇل قىلىمەن، دېدى بوزاغۇ. دوقاقبەگ باش لىڭشىتىپ ماقۇللىدى.
ئادەملىرىمىزنىڭ تەييارلىقى پۈتتىمۇ؟
پۈتتى، ھاي دېسە كىلا تەرەپ تەرەپتىن ئېتىلىپ كېلىدۇ، دېدى بوزاغۇ.
تەييارلىقىمىز ئاللىقاچان پۈتكەن، ئالتۇن تارىم. قوزغىلىدىغان ۋاقتىمىز ھۈسەيىن ئارسلانخان تەختكە چىقىدىغان كۈن بولغاچقا، شۇ سائەتنىڭ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق، دېدى دوقاقبەگ ئاپپاق ساقىلىنى تۇتاملاپ. قۇماربېكە ئوغلىدىن سورىدى:
سېنىڭچۇ بالام، تەييارلىقلىرى خام ئەمەستۇ؟
ئىبراھىم تېگىن كەسكىن جاۋاب بەردى:
تەييارلىقىم ناھايىتى پۇختا، چاپائۇل قىسىم ئەمرىمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئاپا.
ناھايىتى ئوبدان، ئەمدى تېزرەك تاج كىيىشنىڭ كويىدا بولغىن، ئوغلۇم.
ئۇ ئاكىسىدىن سورىدى:
مۆھسۈن ھېلىمۇ زىندان باشىمۇ؟
ياق، ئۇ ھازىر جاندارلار باشى.
ئۇنداقتىن پەخەس بولۇشىمىز زۆرۈر، ئاكا. ئۇنى چوق
ئەمەلگە قويماسلىق كېرەك ئىدى، خەيرىيەت، ئاگاھ بولسىلا، قىلىچنى سىلىگە تەڭلەپ سالمىسۇن، ئۇ ناھايىتى قارامدەك قىلىدۇ.
بوزاغۇدىن بۇرۇن دوقاقبەگ ئېغىز ئاچتى:
— مەن مۆھسۈزدىن ھەزەر ئەيلەپ قالدىم. جاندارلار بېشى بولغاندىن بۇيان بەك كۆرەڭلەپ كەتتى.
— ئۇنى جاندارلار بېشى قىلىشقا خاقاننى سىلى ئۈندەتتىلىمۇ، ئاكا؟ — قۇماربېكە بۇ سوئالى بىلەن نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
— شۇنداق سىڭلىم، ئۇ ھەم قارام، ھەم قورقۇمسىز. تەختنى تارتىپ ئېلىشتا مۆھسۈزدەك ئادەم ناھايىتى كېرەك. ئۇ قىساسىنى ئېلىۋالسۇن، تەخت قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان ئۇنى ئۆچۈقتۇرۇۋېتىمەن، خاتىرجەم بولسىلا، سىڭلىم.
ئاكىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەنچ قىلالمىغان قۇماربېكە:
— ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداق پىلانلىرى بار، بۇنى خۇدايىم بىلىدۇ، ئاكا. ھەربىر ھەرىكىتىنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىپ تۇرغايلا، ئوغلىمغا زىيان يەتكۈزۈپ قويمىسۇن، — دەپ تاپىلىدى.
— شۇنداق بولسۇن، ئەمدى بىزگە رۇخسەت قىلسىلا، ئورداغا چىقايلى، مۇھەممەد ئارسلانخان كېلىپ قالىمسۇن. ئۇ كەلسە، ھۈسەيىن ئارسلانخاننى قانداق قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى سوراپ، ئەمىرگە بىنائەن ئىش كۆرمىسەك بولمايدۇ، — بوزاغۇ ئورنىدىن قوپتى.
— ئولتۇرۇسلا ئاكا، تاماق تەييار، ساقلاپ قويغان ياخشى شارابمۇ بار.
ئولار ئورداغا چىققاندا شام نامىزىغا ئەزان ئېيتىلىۋاتاتتى. ئولار كېيىپ ئىدى. كۆل ئەتراپىدىكى چايخانا، دۇكانلارغا شام چىراغلار يېقىلغانىدى. ئولار لەلەڭشىپ دوغچىنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ ئولتۇردى. دوغچى داۋاملىق بېكارغا دوغ ئىچىدىغان ۋەزىرىلەرگە ياقتۇرمىغان ھالدا دوغ قۇيۇپ بەردى. ئولار دوغ
ئىچىپ سەگىپ ئەمدىلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا:
— يول بوشىتىڭلار! يول بېرىڭلار! — دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. بوزاغو:
— بۇ … دورباشى①نىڭ ئۈنىغۇ، خاقان كەپتۇ، ئىشىكئاغىسى … سالام بېرىپ كۈتۈۋالايلى، — دەپ تۇرۇشقا، ئەلچىخانا دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ كوچىدىن ئوزۇن قالپاق كىيگەن، شاپ بۇرۇت بەستلىك ئادەم قولىدىكى ئاق توقماقنى پۇلاڭلىتىپ:
— يول بوشىتىڭلار خالايىق، شاھىنشاھ بۇغرا قاراخان كەلدى! — دەپ چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن توققۇز توغنى كۆتۈرگەن قىزىل چاپانلىق ئەسكەرلەر، ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن سېرىق توغلۇق ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، ئاندىن كۆك ئارغىماققا مىنگەن بۇغرا قاراخان ئوتقاش — مەشئەل كۆتۈرگەن يورتۇغ، جاندارلىرى بىلەن تاراپلاپ كېلىپ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى، ئۇ تىزلىنىپ سالام بەرگەن بوزاغو، دۇقاقبەگنى كۆرگەنىدى.
— خاقان ئالىيلىرى، مۇبارەك قەدەملىرى ئوردۇكەنتكە قۇت ئاتا قىلغاي، — دېدى بوزاغو كۈمۈش ئۈزەڭگىگە كالپۇكلىرىنى تەگكۈزۈپ.
چايخانىلاردىكى ئادەملەر، دۇكاندار، ھۈنەرۋەن كاسىپلارمۇ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ تەزىم قىلىشتى.
— يوللىرىڭا قاراپ تۇراتتۇق، شاھىنشاھىم. مۇبارەك قەدەملىرى ئوردۇكەنتكە يەتكەن چاغدا، ئۆزلىرىگە ئالاھىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش شەرىپىگە ئىگە بولغىنىمدىن بېشىم ئاسمانغا يەتتى، ئالىيلىرى، — دېدى دۇقاقبەگ بوزاغونىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا.
① دورباشى — پادىشاھ ئالدىدا يول بوشىتىڭلار، دەپ ۋارقىراپ ماڭىدىغان خادىم.
— نېمە خۇش خەۋەر، قاپۇقچى بېشى؟ ئوغلۇمنىڭ كەلگىنى توغرىسىدىكى خەۋەر بولمىسۇن يەنە، — مۇھەممەد ئارسلانخان بىر ئاز ئېگىشتى. بېشىدىكى ئالتۇن تاجسى دوقاقبەگنىڭ تىكىلگەن كۆزلىرىدە چاقنىدى.
— شۇنداق ئالىيلىرى، مەملىكىتىمىزنىڭ شەۋكىتى، ھەزرەتلىرىنىڭ قانىتى، ئادالەتنىڭ زۇلپىقارى ئالىپ ھۈسەيىن ئارسلانخان ئارتۇچقا كېلىپ چۈشۈپتۇ. ئەتە كېلىدىغانلىقى توغرىلۇق چاپارمان كەلدى. سىلىنىڭ يوللىرىغا قاراپ تۇرغىنىمىزغا بىر ئاش پىشىم بولدى …
دوقاقبەگنىڭ خۇپىيەلىكىدىن ئاچچىقلانغان بوزاغۇ ئارغىماقنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ دېدى:
— خاقان ئالىيلىرى، بارلىق ئوردۇكەنت ئەھلىنى ۋەلىئەھدنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىشقا تەشكىللەپ قويدۇم. رۇخسەت قىلسىلا، مەن بىر تۈركۈم يۇرتۇغلار بىلەن ئارتۇچقا بېرىپ ئېلىپ كېلەي.
— ئارتۇچقا ئۆزۈم باراي، ئوغلۇمنى شۇنچە كۆرگۈم كەلدى، — مۇھەممەد ئارسلانخان ئېتىنىڭ بېشىنى بۇردى.
— ئالىيلىرى، چارچاپ قالدىلا، ھەرەمگە كىرىپ ئارام ئالسلا، خانىش ئالتۇن تارىم قۇماربېكە «شاھىم كەلدىمۇ؟» دەپ نەچچە قېتىم ئوردىغا كىشى چىقاردى.
— چارچاپمۇ كەتمىدىم، ئارتۇچقا بارغۇم بار، — خان ئېتىغا قامچا ئۆردى.
ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، يۇرتۇغ، ئەلەمدار، جاندارلارمۇ ئونىڭ كەينىدىن ئات چاپتۇرۇپ كەتتى.
ئونىنچى باب: ئوردۇكەنتتىن كەلگەنلەر
1
— ھەممە ئادەم ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئادەملەرنىڭ ياخشىلىق توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ. بەزى ئادەملەر ياخشىلىقنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، دەپ بىلىدۇ. كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى بۇرچ ھېسابلايدۇ. ياخشىلىق قىلىش بىلەن پارلاق ھايات يولىنى ئاچىدۇ، باشقىلارغىمۇ يول ئېچىپ بېرىدۇ. بەزى ئادەملەر ياخشىلىقنى ئۆزىگىلا نەپ، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دەپ قارايدۇ. ياخشىلىقنى ئۆز غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى، دەپ بىلىدۇ. شۇ تونۇشتا ھاياتتا خاتا قەدەم باسىدۇ. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، شاھىم.
— پادىشاھلارمۇ شۇنداقمۇ، ھاجىپ؟
— پادىشاھلارمۇ ئىنسان. ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنىڭ ھەممە ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا پادىشاھلارنىڭ ياخشىلىق توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى تېخىمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە، شاھىم.
— بۇنى بىلمەن ھاجىپ. ياخشىلىق — پادىشاھلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەلگە قارىتىلىشى كېرەك، شۇنداقمۇ؟
— ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى، ياخشىلىق پادىشاھلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئادالەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئاۋامنىڭ كۆڭلى ئادالەتتىن
ئەمەن تاپىدۇ. زالالەتتىن سۆنىدۇ…
ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان بىلەن بەگىيۈسۈپ ئوردا بېغىنىڭ يېشىل كاھىشلىق گۈمبەزلىك راۋىقىدا سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى.
تۆتلا تەرىپىگە كۆڭگۈرلۈك ئىشىك بېكىتىلگەن، سالاسۇنلۇق، ئەگمە قۇببىلىك، گۈلدار بۇ كاتتا راۋاق ناھايىتى كۆركەم ئىدى. ھەممە تەرىپىدىن مەيىن شامال ئۇرۇپ ھۇزۇر بېغىشلايتتى. ئونىڭ دۆپىدىگىدەك يېشىل گۈمبىزىنى ئون توققۇز مەر مەر تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
ھەربىر ئىشىككە يەتتە پايدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىلى بولاتتى. بۇ راۋاقتا ئەللىك - ئاتمىش ئادەم غىزالىنالايتتى. بۇ راۋاقنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بالاساغۇن دىيارىغا ئېلىكخان بولۇپ كەلگەن يىلى ياساتقانىدى.
ئېلىكخان ياز، كۈز ئايلىرىدا مۇھىم كېڭەشلىرىنى، بەگ تەرىكىسىنى مۇشۇ راۋاقتا ئۆتكۈزەتتى. كۆڭلى تارتقان كىشىلەر بىلەن مۇشۇ راۋاقتا ھەمسۆھبەت بولاتتى. بەگىيۈسۈپ بىلەنمۇ كۆپرەك مۇشۇ راۋاقتا سىردىشاتتى.
بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بەگىيۈسۈپنى راۋاققا تەكلىپ قىلغان ئېلىكخان ئونىڭ بىلەن ئانار شەربىتىنى ئىچكەچ سۆزلىشىپ ئولتۇرغىنىغا يېرىم سائەتتىن ئاشقانىدى.
ئوردىكىنەتتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، مەملىكەت ئەھۋالى، باج - سېلىق ھەققىدىكى سۆزلىرى تۈگەپ، ئۇلار پادىشاھلارنىڭ پەزىلەت - خىسلىتى توغرىسىدا گەپ باشلاشقانىدى.
— توغرا دەيدىسز، بەگىيۈسۈپ، تاج كىيىپ ئەلگە ئادىل بولمىغان پادىشاھ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلمىغان پادىشاھدۇر. رەھمەتلىك ئاتام: «جەڭگاھتا ھەرقانچە باتۇر بولسىمۇ، ئاۋامغا غەمخان بولالمىغان پادىشاھ ھىمايىچىسى، يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ» دەيدىغان، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخان بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، —
مۇھەممەد ئارسلانخان تاغام ھوشىنى تېپىۋالسا بولاتتى. ئۇ قارا نىيەت، پىتنىخور مۇناپىقلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئاتامنىڭ ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئۆز بېشىغا كەلگەندەك قىلىدۇ. پېقىر، خانلىقىمىزنىڭ يەنىمۇ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن.
— پاك بولۇش، ئادىل بولۇش، باھادىر بولۇش — سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىدىن قالغان ئۈچ پەزىلەتتۇر. بۇ ئۈچ پەزىلەتنى دەسلەپ سېيىت ئەلى ئارسلانخان ھەزرەتلىرى جارى قىلىپ ئۇ دۇنياغا رىھلەت قىلدى. ئەھمەد تۇغانخان باتۇر بولسىمۇ، ئادىل بولالماي دۇنيادىن ئۆتتى. كۆڭلى نېمىگە تارتسا شۇنى قىلىدىغان مەنسۇر ئېلىكخان باتۇرمۇ، ئادىلمۇ بولالمىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى نادامەتتە ئۆتكۈزدى. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھ، سۇلايمان ئارسلانخانلار بۇ ئۈچ پەزىلەتكە ۋارىسلىق قىلىپ مەملىكەتنى گۈللەندۈردى. بىراق، مۇھەممەد ئارسلانخان بۇ پەزىلەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئالىيلىرىنىڭ مەكتۇپىگە قايتۇرغان جاۋابى ئۇنىڭ ھوشىنى تاپقان — تاپمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ تەدبىر قوللىنىش ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، — دېدى بەگيۈسۈپ.
— تېزرەك جاۋاب كەلسە بولاتتى، ھاجىپ. ئىككىنچى مەكتۇپنى ئەۋەتكىنىمىزگىمۇ بەش — ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. تاغام مەھمۇد ئارسلانخان، ئىبراھىم بۆرە تېكىنلەردىن جاۋاب مەكتۇپ كەلمىگى نەۋاق. ئۇلارنىڭ مېنى قوللاپ بەرگەن مەدىتى بىلەن ھازىرغىچە روھلىنىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇلاردىن كۆپ مىننەتدار بولساممۇ، كۆڭلۈم بەك يېرىم.
— پېقىرمۇ ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن، ئالىيلىرى. جاۋاب مەكتۇپنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى. يەنە بىرنەچچە كۈنگىچە خەۋەر كەلمىسە ئوردىدىكىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرسەك بولىدۇ. مەكتۇپنىڭ بۇنداق كېچىكىشىدە چوقۇم بىر سەۋەب بار. ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر كۆڭۈللىرى
يېرىم بولماسلىقى، ئەل ئۈستىگە چۈشكەن ئېغىرچىلىقنى قەيسەرلىك بىلەن كۆتۈرۈشلىرى، دۈشمەنلەرنىڭ يوشۇرۇن - ئاشكارا قىلغان تەھدىتىگە جاسارەت بىلەن تاقابىل تۇرۇشلىرى زۆرۈر، ئېلىكخان ئالىيلىرى.
شاھانە تائاملاردىن كېيىن شېرىن دەملەنگەن چاينى ئىچىپ راھەتلەنگەن بەگىيۈسۈپ داستانخان يىغىلىشى بىلەنلا ئېلىكخانغا رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتى.
بەگىيۈسۈپ جۈمەدىن باشقا كۈنلىرى چۈشكىچە ئوردىدا خىزمىتى بىلەن بولۇپ، پېشىنندىن كېيىن «بۇغراخان»، «رەيھانىيە» مەدرەسەلىرىدە دەرس بېرەتتى. پۈتۈن ئەل دەم ئالىدىغان جۈمە كۈنلا ئېلىكخان ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولاتتى.
بەگىيۈسۈپ بىلەن مۇھاكىمە، مۇنازىرە قىلىدىغان ئالىم - دانىشمەنلەر، ئۇنىڭ سۆھبىتىگە تەشنا تىجارەتچى زەردارلار، ھۈنەرۋەن كاسىپلار، يىراق - يېقىندىن مەسلىھەت سوراپ كېلىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇ كۆرۈشمەي تۇرۇپ ھېچكىمنى ئىشىك ئالدىدىن قايتۇرمايتتى. ۋاقتى شۇنچە زىچ ئىدى. كۆنلەرنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالاتتى. يازماقچى بولغان كىتابى ئۈچۈن كېلىۋاتقان يېڭىدىن - يېڭى ئوي - پىكىرلەرنى خاتىرىلىۋېلىشقا ئاران ئۈلگۈرەتتى. ئۈلگۈرەلمىگەنلىرى كۆڭۈل سارايىغا توپلىناتتى. كېچىلىرى ئوي - پىكىرلەر دېڭىزىدا ئۈزۈپ، قىرغاققا يەتكۈچە تاڭ ئېتىپ قالاتتى.
ئۇ بۈگۈن ئوردىدىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندە، تېخى نامازدىگەر بولمىغانىدى. «مەلۇم بولدىكى، ئېلىكخان ئوردۇكەنتتىن كېلىدىغان مەكتۇپقا ئىنتىزار ئىكەن. ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن ئاداي توغرۇلۇقمۇ خەۋەر يوق. بىر خەۋەر كەلسە بولاتتى…» دەپ ئويلاپ خانىسىغا كىرگەن بەگىيۈسۈپ ئىختىيارسىز ئاسقۇغا تىكىلدى. توچ ئاسقۇ پارقىراپ تۇراتتى.
ئىلگىرى بۇ ئاسقۇغا مەرھۇمە ئاقبىراننىڭ ئەتلەس كۆڭلىكى بىلەن قاما تومقى ئېسىقلىق ئىدى. بىر كۈنى كۆڭلەك بىلەن توملاق ئاسقۇدىن غايىب بولدى. ئۇ بۇ توغرۇلۇق ھېچكىمدىن سورىمىدى. قىزى بۇۋىئايىشەنىڭ قاراشلىرىدىن كۆڭلەك بىلەن توملاقنىڭ غايىب بولۇپ كېتىش «سرى» نى بىلگەندەك بولۇپ ئۈندىمىدى. شۇڭا، ئاسقۇنى بوش قالدۇرۇپ قويدى. لېكىن، ئۇنىڭ تۇرۇپ - تۇرۇپلا نەزىرى يەنە شۇ ئاسقۇغا چۈشۈپ قالاتتى. «بۇ دۇنيا قونالغۇ، ئۆزۈڭسەن كارۋان، قونالغۇدا كارۋان قانچىلىك تۇرغان؟» دەپ پىچىرلايتتى. ۋاپات بولغانلار كۆز ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتكەندە: «پىكىر قىلغۇچى ھەربىر ئىنسان بۇ قونالغۇدا يەنە قانچىلىك تۇرىمەن؟ قانداق ياشىشىم، بالىلىرىمنى قانداق تەربىيەلىشىم، قانداق نام قالدۇرۇشۇم كېرەك؟ دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇشى ۋە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى كېرەك» دېگەن ئويغا كېلىپ ئۆزىگە يېڭىدىن - يېڭى تەلەپلەرنى قوياتتى. «نەپىسەمگە بېرىلمەسلىكىم، ئۆز كۆمىچىمگە چوغ تارتماسلىقىم، كەڭ قورساق بولۇشۇم لازىم» دەپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا جامائەت ئىشىغا بېرىلىپ كېتەتتى. ئۇ مۇشۇ تاپتا كۆزىنى ئاسقۇدىن ئېلىپ قولىغا فارابىنىڭ «بەخت توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى ئالدى ۋە ئوقۇشقا باشلىدى:
«سائادەت ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن بىلىنىدۇ. لېكىن، ئىنسان بۇنى بىلمەيدۇ. ۋۇجۇدىدىكى ئاشۇ پىنھان بەختنى ئىزدەپ ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەي دۇنيادىن ئۆتىدۇ. ئېرىشكەنلەر بولسا ئاشۇ بەختنىڭ ئاپا - ساداقىتى ئۆز ئەجر - مۆھەببىتىدىن كەلگەنلىكىنى يەنىلا بىلەلمەيدۇ. بەختلىك تۇرۇپ بەخت ئىزدەيدۇ…»
— ئاتا، ئۆيدە بار ئىكەنلا.
بۇۋىئايىشەنىڭ ئۈننى ئاڭلىغان بەگىيۈسۈپ كىتابنى ياپتى.
— بالام، ئەجەب ئوبدان ۋاقىتتا كەلدىڭ، — ئۇ قىزىنىڭ يېنىغا كىرگىنىدىن تولىمۇ خۇش بولدى. بىر ھەپتىدىن بېرى
كۆرۈشەلمىگەچكە سېغىنىپ قالغانىدى.
— مەن نەچچە قېتىم كەلدىم، ئاتا. بەزىدە سىلى يوق، بەزىدە يانلىرىدا ئادەم بولغاچقا كۆرۈشەلمىگەندىم. سىلىنى شۇنچە كۆرگۈم كەلدى، — بۈۋىئايىشە قولىدىكى يۆگەكلىك ھېجىرنى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، يۈكۈندى، — چۆچۈرە ئېتكەن، ئاتا. سىلى باشقا تاماقلارغا داخل بولسىلىمۇ، چۆچۈرىگە داخل بولالماي قالىلا. ھاردۇقى چىقىپ قالار دەپ ئېلىپ كەلدىم.
— رەھمەت بالام. چۆچۈرىنى سېغىنىپ قالغانىدىم. سەل تۇرۇپ يەي، بولامدۇ؟ — بەگىيۈسۈپ قىزىنىڭ قارا چاچلىرىنى سىلىدى، — داۋالىنىۋاتقان كېسەللەر ھېلىمۇ كۆپمۇ، بالام؟ ئاتاساغۇن دىلدار ئاپىلىرى كەتكەندىن بېرى يالغۇزچىلىقتا تازا جاپا تارتتىلا. ياردەم بېرەلمىدىم.
— نېمىشقا ئۇنداق دەيدىلا، ئاتا. سىلى بولغاچقا شۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. ئادەم ئۆزى ياقتۇرۇپ قىلغان ئىش ھەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرمايدىكەن. مەن ھازىر يالغۇز ئەمەس. ئاشان بوۋاينىڭ بىر قىزى، ئايسىلىگ ھاممامنىڭ بىر قىزى ماڭا شاگىرت. ئۇلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە شاگىرتىممۇ بار. ئۈچ شاگىرتىم دورا ئۆسۈملۈكلىرى يىغقىلى دالاغا چىقىپ كەتتى. ئىشىم ئالدىراش، ئەمما ئۆنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ، — بۈۋىئايىشە ئۆزى ئىشتىياق باغلىغان داۋالاش خىزمىتى ھەققىدە شۇنداق قىزغىن سۆزلەپ بەردىكى، بەگىيۈسۈپ سۆيۈنۈپ كەتتى.
— ناھايىتى ئوبدان بوپتۇ بالام. مەن سىلىدىن بەك رازى!
بۈۋىئايىشە ئاتىسىنىڭ ھارغىن چىرايىغا قارىدى:
— سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان ئادەممۇ نېمانچە كۆپتۇ، ئاتا؟ ھەممىلا ئىشقا ھالىڭا يېتىمەن، دەپ ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلماسلىقلىرى كېرەك ئىدى.
— ئۇنداق دېمىسلا، قىزىم، — دېدى بەگىيۈسۈپ، — ئىشىكىم ئالدىغا كەلگەن كىشىدىن ئۆزۈمنى زىنھار
قاچۇرمايمەن. بەلكىم ئۇ مەن بىلمەكچى بولغان بىرەر ھېكمەتنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۆمۈرۋايەت ئوقۇغۇچى بولغان ئادەم كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قالىدۇ.
— سىلىدەك ئاق كۆڭۈل بوغۇچتىن دۇنيادا يەنە بىرسى بارمىدۇ، ئاتا؟ سىلى نېمىشقا ئوبدان، كۆكسى — قارنىلىرى نېمىشقا كەڭ؟ ئاكام بەگتۈرمۈشنىڭ «ئاتام ئۆزىنى باشقىلارنىڭ بەخت — سائادىتى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن دانا، ئۆزىنىلا ئەمەس، بەزى ھالدا بىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ» دېگىنى توغرا ئىكەن. شۇنداقمۇ، ئاتا؟
بەگىيۈسۈپ ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى: «مەن شۇنداق ئادەممۇ؟ ھەتتا بالىلىرىمنى ئۇنتۇپ قالغان بوغۇچمۇ؟ بۇ مېنىڭ باغرى يۇمشاقلىقىمنىڭ ئالامىتىمۇ ياكى تاش يۈرەكلىكىممۇ؟…»
ئۇ چۆچۈرۈدىن كىچىك پىيالىگە بۆلۈپ ئالدىرىماي يېدى.
— قورساقلىرى توق ئوخشىمامدۇ، ئاتا؟ — دېدى بۇۋىئايشە، بەگىيۈسۈپنىڭ زورلاپ يەۋاتقىنىغا زېھن سېلىپ.
— ئوردىغا — ئېلىكخان قېشىغا بارغاندىم، — بەگىيۈسۈپ، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىلەن قىلىشقان سۆھبەتنى دەپ بەردى.
— ھە، شۇ يەردە مېھمان بولۇپلا — دە، ئونداق بولسا ئۆيلەرنى بىر يىغىشتۇرۇپ بېرەي، — بۇۋىئايشە قوپتى.
مەرھۇم بوۋىسىنىڭ قاما تومىقى بىلەن بۆرە تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋىسىنى ھويلىدا قېقىپ كىردى. ئاندىن كىيىملەرنى شامالدىمىاقچى بولۇپ ساندۇقنى ئاچتى. بەقەسەم تون بىلەن بادام دوپپىنى ئېلىپ بوش ئاسقۇچقا ئېسىپ قويدى.
— ئاتا، بۇ، تون سىلىگە ناھايىتى يارىشىدۇ. يامغۇر ياققان، شامال چىققان چاغلاردا كىيىۋالسلا. دىلداربىكە ئاپامنى ئۇنتۇپ قالمىغانلا؟ ئۇ ئۇستازىمنى بەك كۆرگۈم كەلدى. قوزىئوردىغا يەنە كېلەرمۇ — ھە؟
بەگىيۇسۇپ قىزىنىڭ بۇ مەنىلىك سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭمۇ دىلداربىكەنى كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. — ئۇنتۇپ قالمىدىم، بالام. ئۇ بىر پەزىلەتلىك ئاتاساغۇن. قوزىئوردىدا ياخشى نامى قالدى، — بەگىيۇسۇپ ئاشقۇدىكى ئاقىرانىڭ كۆڭلىك، تۇمۇقنىڭ غايىب بولغىنى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى. بۇنى سوراپ قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەن بۇۋىئايىشە ئىختىيارسىز سوئالنى تەكرارلىدى: — دىلداربىكە ئاپام قوزىئوردىغا يەنە كېلەرمۇ؟ — بىر نېمە دېيەلمەيمەن، قىزىم. خۇدا رىزقىنى سالغان بولسا كېلىپ قالار … — ئاتا، سىلى تېلېپ قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتسە كېلەتتى … جېنىم ئاتا، مەكتۇپ ئەۋەتسە … ماقۇلمۇ؟ — بالام، ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا — ئانىسى بار، ئۆز يۇرتىنى، يارۇ دوستلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتقا كېتىش كىشى ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. مەكتۇپ ئەۋەتپ كېلىشكە زورلىسام بولمايدۇ. مەن ئۇ بۈگۈ بىلگە قىزنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىمەن. — ئاتا، سىلى ئۆمۈرۋايەت مۇشۇنداق يالغۇز ئۆتەمدىلا؟ — دېدى كۆزلىرى ياشلانغان بۇۋىئايىشە. — مەن ئانىلارنىڭ پاك روھىغا ھەمراھ بولۇپ ياشايمەن، قىزىم. بۇ ئۆيدە تەنھا بولغىنىم بىلەن ئانىلارنىڭ روھى ھەمىشە يېنىمدا، — بەگىيۇسۇپنىڭ ئۈنى ناھايىتى بوش، ھەسەرەتلىك چىقتى. ئۇ ياش تۇرۇپ ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغان قىزىنىڭ قايغۇ — ھەسرىتىنى زىيادە قىلماي دەپ، ئاقىرا توغرۇلۇق ئۈندىمىدى. بۇۋىئايىشەمۇ ئەل غېمى بىلەن كېچە — كۈندۈز پايپېتەك بولۇپ تارتىلىپ كېتىۋاتقان ئاتاسىنىڭ پىغانىنى ئۆرلەتمەي، دەپ ئانىسىنى ياد ئېتىپ كۆز يېشى قىلمايتتى، ئېرى ھەققىدىمۇ زۇۋان سۈرمەيتتى. بۇ ئاتا — بالا ئۆز دەردىنى ئۆزلىرى بىلەتتى. ئېلاج بار بىر — بىرىنى خوش قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. كۈتمىگەن چاغدا بۇ گەپنىڭ چىقىشى ھەر
301
ئىككىيلەنگە كۆڭۈللىرىنى مالال قىلىپ قويدى. شۇنداقتىمۇ ئېغىزدىن چىقىرىلغان گەپنى بۇۋىئايىشەنىڭ توختاتقۇسى كەلمىدى.
— ئاتا، بۇ دېگەنلىرىمۇ توغرا. ئانامنىڭ پاك روھىنى شۇنچىلىك ياد ئېتىپ تۇرغانلىقلىرىنىڭ ئۆزى سىلىنىڭ قانچىلىك پەزىلەتلىك ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، سىلى يالغۇز، قايتا ئۆيلىنىش — سىلى قىلمايدىغان ئىش ئەمەس ھەم بۇنى ھېچكىم ئەيىبلىمەيدۇ. بەلكى قوللايدۇ.
— توختىسىلا، بالام. دېمەكچى بولغانلىرى …
— يوقسۇ، ئاتا، بۇ گەپنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. قىزلىرى تۇرۇپ مۇنداق گەپنى قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى … ئەيىبكە بۇيرۇمىغايلا. بۇ گەپنى مەن دېمىسەم كىم دەيدۇ؟ مەن كۆيۈنمىسەم كىم كۆيۈنىدۇ؟ … ھېلىمۇ ئاپامنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇلا، بىز بۇنىڭدىن رازى. لېكىن، سىلىگە بىر ھەمراھ …
— بالام …
بۇۋىئايىشە ئاتىسىنىڭ ئۆزىنى قاچۇرغىنىغا قارىماي سۆزىنى كېسكىن داۋاملاشتۇردى:
— سىلىگە ئانامدەك ۋاپادار بىر ھەمراھ بەكمۇ كېرەك. دۇنيادا ئەرنى ئەر قىلىدىغان بىر ۋاپادار ئايال…
قىزىنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق بۇنداق ئىنچىكە ئويلىشى ئاتا بولغان بەگىيۈسۈپنى تەسىرلەندۈردى ھەم ئۇنى ئويغا سېلىپ قويدى.
— بالام، دېگەنلىرىڭنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرىمۇ بار. خۇدا خالىسا ئوغلۇم بىلەن سىلىگە كۆيۈنىدىغان بىر ئاننى ئۆيگە ئېلىپ كىرىش توغرىسىدا ئويلانمىسام بولمىغۇدەك. ئوردۇكەنتتىن ئادەم كەلمەكچى، كۈتۈۋاتىمەن. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئاندىن بۇ ھەقتە سۆزلىشىمىز، ماقۇلمۇ، قىزىم؟
— بولىدۇ ئاتا، سىلى ئۆيدە تۇرالايدىلا.
بەگىيۈسۈپ بۈگۈن قىزىنى قايتىدىن چۈشەنگەندەك بولدى. بۇۋىئايىشە مەرھۇم قۇمبا، ئايتولۇنلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇلار ئەرلىرىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىشكەن، غەم بىلەنلا بولۇپ قايغۇ — ھەسرەتتىن قۇتۇلالماي قالغانىدى. بۇۋىئايىشە بولسا بوي بەرمىدى، تىرىشىپ يۈرۈپ ئاتاساغۇن بولدى. ئۇ ھايات ئۈچۈن يەك تۈرۈپ ئاتلانغانىدى.
نامازشامدىن كېيىن بۇۋىئايىشەنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىققان بەگىيۈسۈپ:
— خۇدا بۇيرۇسا، ئەتە كەچقۇرۇن جانىبدا غوجام بالامنى كۆرگىلى بارىمەن قىزىم، خوش! — دەپ ئامانلىق تىلەپ، ئاتنى يورغىلىتىپ كېتىۋاتقان قىزىنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى.
2
بەگىيۈسۈپ پېشىن نامىزىنى رەيھانىيە مەدرىسىدە ئوقۇدى. تالىپلارغا پەلسەپە تارىخىدىن ئىككى سائەت دەرس ئۆتتى. ئارقا — ئارقىدىن بېرىلگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ دەرسخانىدىن چىقىشىغا يەنە بىر توپ مۇدەررىس، تالىپلار ئۇنى ئورۇۋالدى.
ئاتىسىنى ساقلاپ ئىچى پۇشقان بەگتۈرمۈش يا تولاپ چاقىرالماي، يا كېتىۋېرىشكە كۆڭلى ئۇنىماي كۆل بويىدا تۇراتتى.
تالىپلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتكەن بەگىيۈسۈپ ئۇنى كۆرمىگەندى.
— ئۆكام بەگتۈرمۈش، — دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان يىگىت ئارقىسىغا بۇرۇلدى.
— ئاداربايلىق ئاكا، — دېدى ئۇ شاھى تون كىيىپ بادام دوپپىسىغا ئاق سەللە ئورىغان سالاپەتلىك قارا ساقال كىشى
بىلەن قول بېرىپ كۆرۈشۈپ، كېلىپ قاپتىلىغۇ، كىمنى ئىزدەپ كەلدىلە؟ خىزمەتلىرىدە بولاي.
«ئەجەب خوش مۇئامىلە، تەۋەززۇلۇق يىگىت بوپتۇ. كىچىكىدە بەك شوخ ئىدى» دەپ ئويلىغان ئادار:
ئاتىلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم، دېدى.
ئاتام ئەنە ئاۋۇ كايۋاندا شاگىرتلىرى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرىدۇ، قولى بىلەن كۆرسەتتى بەگتۈرمىش.
ئادارغا كۆزى چۈشكەن بەگيۈسۈپ شاگىرتلىرىدىن ئايرىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
ئوردۇكەنتتىن ھېلىلا كارۋان كەلدى. بىزنىڭ تىللا سارىيىمىزغا چۈشتى. شۇڭا، جاناپلىرىنى ۋاقىپلاندۇراي، دەپ كېلىۋېدىم، دېدى ئادار.
بىز تونۇيدىغانلار بارمىكەن؟ سورىدى بەگيۈسۈپ.
بار ئىكەن جاناپلىرى. ئۆزلىرىگە سوۋغا، مەكتۇپمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خانىش، شاھزادىلەرمۇ بولغاچقا ئۆزلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى زۆرۈر تاپتىم.
بەگيۈسۈپ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى ۋە ئادار بىلەن بالاساغۇننىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسىدىكى تىللا سارىيىغا يۈرۈپ كەتتى.
ئالتۇن سۈيىدە ھەل بېرىلگەن كۆركەم دەرۋازىدىن تىللا سارىيىغا كىرگەندە بەگتۈرمىشنىڭ كۆزلىرى قامشىپ كەتتى. جىرىڭلىغان تىللا، ئالتۇننىڭ ئۈنى ھەر ياندىن ئاڭلىناتتى. بۇ ساراينىڭ ئالدى تەرىپى دۇكان، ئىچى كاتتا سەينا ئىدى. سەينانى چۆرىدەپ سېلىنغان ھۇجرا ئۆيلەرنىڭ دەرىزىلىرى قاپقاقلىق، ئالدى تال باراڭ ياماشقان پېشايۋانلىق سوپا ئىدى.
ئۇلار سەينانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىشلىق يول بىلەن زەردارلارنى ئارىلاپ ماڭدى. بەگيۈسۈپنى كۆرگەن زەردارلار، ئېلىپساتارلار ئېھتىرام بىلدۈرۈپ سالام بېرىشتى.
تىللا سارىيىنىڭ غوجايىنى بولغان ئادارنىڭ خانىسى ئەڭ
ئىچكىرىدە بولۇپ، بىر قانچە ئېغىز ئۆيدىن ئىبارەت ئىدى. تېللا سارىيى بەگتۆمۈر ۋاقتىدا سېلىنغان، كېيىن رەيھاندىنبەگ كېڭەيتىپ ياسىغانىدى. بەگىيۈسۈپ بويانقار، يارۇقلار بىلەن بۇ سارايدا سودىنى يۈرۈشتۈرۈپ ئاپات قىلغانىدى. بويانقار، يارۇقلار پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئادار بۇ تېللا سارىيىنىڭ غوجايىنى بولۇپ قالدى. ئۆزىنى رەيھاندىنبەگ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ بىلگەن ئادار ئېغىر - بېسىقلىقى، كەسكىن پىكىرلىكلىكى، سودىدىكى ئادىللىقى، مەردلىكى بىلەن بالاساغۇننىڭ تىجارەتچى، زەردارلىرى ئىچىدە ئابرۇي قازاندى … لېكىن، ئۆزىنى يەنىلا بىر خىزمەتچى ھېسابلاپ، كىرىم - چىقىم، پايدا - زىيان توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنى بەگىيۈسۈپكە ئايمۇئاي يوللاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ساداقىتى بەگىيۈسۈپنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنىدى. بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. شۇڭا، ئۇ مەرھۇم ئاتىسىدىن قالغان پۈتۈن بايلىقنى شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ئۆزىنىڭ ئاچىلىرى ۋە بويانقار، يارۇق، ئادارلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى. باش غوجايىن بولغان ئادار ئۇلارنى رازى قىلىپ كېلىۋاتاتتى.
بەگىيۈسۈپ ئادار ئىش بېجىرىدىغان بىرىنچى ئۆيگە كىرىپ، قەشقەردىن كەلگەن تىجارەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى. بەگتاش خېلىلنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا بىر مەكتۇپنى بەردى.
— خانىش، شاھزادىلەر ئىچكىرىدىكى ئۆيدە، — ئادار قولى بىلەن نەقىش چېكىلگەن گۈلدار ئىشىكنى كۆرسەتتى.
— ئاۋۋال كەلگىنىمىز توغرۇلۇق خانىشنى ۋاقىپلاندۇرايلى، ئادار ئاغا، — دېدى بەگىيۈسۈپ.
بەگتۆمۈش ئاتىسىنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئىشىكنى يېنىك چەكتى، بىر زەڭگى غۇلام چىقتى.
— بەگىيۈسۈپ جاناپلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى خانىش ئالىيلىرىغا ئېيتىقان بولسىڭىز، — دېدى ئادار ئەرەب تىلىدا. غۇلام كىرىپ كېتىپ، ھايال بولمايلا ياقۇپ تېگىن چىقتى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كىشى قارا، — شاھزادە سالام بەردى. بەگىيۈسۈپ غولچىنى كەڭ يايدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تېگىن، سالامەت كېلىشىپسىلەر. خەۋەرسىز قاپتۇق. بولمىسا ئالدىلارغا چىقىپ كۈتۈۋالغان بولاتتۇق.
ئۇلار قۇچاقلاشتى. بەگتۈرمۈشمۇ ياقۇپ تېگىن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
— ئابام خەۋەر بېرىشكە ئۇنىمىدى. ئالىمادىن بىرەر ئىش چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئوخشايدۇ. سارايلارغا چۈشۈپلا ئوردىغا ئادەم ئەۋەتتۇق، ئاكام كېلىپ قالارمىكىن. ئۆزلىرى ئالدىمىزغا كېلىپ بىزنى خۇرسەن قىلدىلا.
— ئۇنداق دېمىسىلە، تېگىن. كۆزىمىز يولدا ئىدى. خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىماي، شۇنچە يىراق مەنزىلدىن سالامەت كېلىشكەنلىرى ئۈچۈن ئېلىكخان ئالىيلىرى ناھايىتى خۇشال بولدى. ئوردىغا مەن باشلاپ باراي.
— ئابامغا دەي، — تېگىن ئۆيگە كىرىپ تېزلا يېنىپ چىقتى.
— ئابامنىڭ سىلى بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن. كىشى قارا، مەرھەمەت قىلغايلا.
بەگىيۈسۈپ ئىران گىلىمى سېلىنغان ياسىداق ئۆيگە كىرىپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەلىكە ئالىيلىرى، تەۋەررۈك قەدەملىرى قوزغوردۇغا قۇت ئاتا قىلغاي.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، — ئايزادە تۈركنى خاتۇن ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ھېلىمۇ ھازىلىق كىيىمدە ئىدى. يۈزىنى چۆمبەل يېپىپ تۇراتتى، — بۈگۈن بىلگە جانابلىرى، ئۆزلىرى مەرھۇم بۇغرا قاراخاننىڭ يۇغرۇش بېشى ئىدىلە. پەلەك چاقى تەنتۈر چۆرگۈلەپ ئەل ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. كۆرمىگەن كۈننى كۆردۇق. ھالبۇكى، ساداقەت كەمىرىنى چىڭ باغلاپ قوزغوردۇغا
قايتىپ كەلدىلە. تەقدىر ئىرادە بىلەن بىزىمۇ مەھمۇد تېگىن بالامنىڭ ھىمايىسىدە، ئاخىر ئوردۈكەنتتىن يوشۇرۇنچە يولغا چىقىشقا مۇئەپپەق بولدۇق. قۇزئوردۇغا سالامەت يېتىپ بېرىشىمىزغا ئىشەنچىمىز يوق ئىدى. يول بويى غەم-ئەندىشىدىن خالىي بولالمىدۇق. بالا-قازادىن ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، جائابلىرى بىلەن دىدار كۆرۈشتۈرگەن ئاللاغا مىننەتدارمەن، يۇغروش بېشى. ئۆزلىرىگە پۈتۈن ئوردۈكەنت ئەھلى سالام يوللىدى، — ئايزادە تۈركەن خاتۇن، بوي تارتىپ زىلۋالىشىپ كەتكەن ئالىقشېكەنىڭ ياردىمى بىلەن ئاستا ئولتۇردى. بەگىيۈسۈپىنمۇ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
خانىشنىڭ چۈمبەل توسۇپ تورغان چىرايىنى كۆرەلمىسمىمۇ، يۈرەك-باغىرنىڭ دەرد-غەم بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى تويغان بەگىيۈسۈپ ئۆنىڭ مسكىن ھالىغا ناھايىتى ئېچىندى.
— قۇنچۇي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى ئېلىنىڭ دۇئاگو ي ئانسى. كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا. ئۆئەلئەھدى بولغان ئوغۇللىرى ئېلىكخان تەختىدە بەرقرار، ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن قۇزئوردۇغا سالامەت كەلدىلە. ھەممىمىز ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولىمىز، — دېدى ئو.
— رەھمەت، بۈگۈ بىلگە جائابلىرى. ياشانغان چېغىمدا بۇخاراغا كېتىپ، ئاتا-ئانامنىڭ ئايىغىدا يېتىش ئارزۇسىدىمەن، — خانىش كۆز يېشىنى توختىتالماي بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
— يىغلىمىسىلا، خانىش ئالىيلىرى. ئاللا سەۋىرلىك بەندىلىرى بىلەن بىللە.
ئادار ئىتتىك كىرىپ ئېلىكخاننىڭ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
يېشىنى ئېرتىپ ئورنىدىن تورغان ئايزادە تۈركەن خاتۇن ئىشىككە قاراپ مېڭىشقا، ئېبو ئېلى ھەسەن ئارسلانخان خانىش ۋە كېنىزەكلەر بىلەن كىرىپ كەلدى.
307
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈزرۈكۋارىم ئابا، ئۇ كەلگىنىچە ئاتىسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، قارا كىمخاب نىمچىسىنىڭ پېشلىرىنى كۆزىگە سۈرتتى، خىزمىتىڭىزدە بولالمىدىم. ئاتامدىن رازىلىق ئالالمىدىم. كېلىشلىرىدىنمۇ بىخەۋەر قېلىپ ئالدىلىرىغا چىقالمىدىمەن. كەچۈرگەيلا بۈزرۈكۋارىم!
ئايزادە تۈرگەن خاتۇن ئوغلىنىڭ ئالتۇن تاج پارىلداپ تۇرغان بېشىنى تۇتۇپ پېشانىسىگە سۆيدى:
ھەممىدىن دىدار كۆرۈشمەك ئەۋزەل، بالام. ئوردىدىن يوشۇرۇنچە يولغا چىققانىدۇق. قوزۇردۇغمۇ يوشۇرۇن قەدەم قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مالال بولمىسىلا، ئونىڭ ئۈستىگە خىزمىتىمدە بولۇپ كەلگەن كارۋان ئەھلى بىلەن بۇ سارايغا چۈشكىنىمىزمۇ ياخشى بولغانىكەن. قوزۇردۇلۇق قېرىنداشلىرىمنىڭ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىشىغا، بۈگۈن بەگلىگە بەگىيۈسۈپ بىلەن دىدار كۆرۈشۈشكە ئاللا نېسىپ قىلدى، بالام، ئۇ ئېلىكخاننى باغرىغا باستى. كېلىننىڭ مەڭزىگە سۆيدى.
ياقۇپ تېگىنمۇ ئاكىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
ئالىپ يىگىت بولۇپ كېتىپسەن، ئۇكام. ئاتامنى دەپ زىنداندىمۇ يېتىپسەن. جاسارىتىڭگە بارىكاللا! ئابامنى قوزۇردۇغقا ئېلىپ كېلىپ ئاللانى رازى، پېقىرنى خۇرسەن قىلدىڭ. كامال تاپقىن!
ئابامنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ۋە يۇرتقا بېرىش ئارزۇسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئاتامنىڭ مەقبەرىسى ئالدىدا ۋەدە بەرگەندىم، ئاكا. بىزگە مەھمۇد تېگىن ياردەم قىلدى. ئەمدى خىزمەتلىرىگە تەييارمەن، ياقۇپ تېگىن قولىنى كۆكسىگە قويدى.
مەنمۇ ئابامنىڭ تىلىكىنى يەردە قويمايمەن، ئىنىم، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئانىسىنى يۆكەندازدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئىنىسى بىلەن قاتارلىشىپ يۈكۈنۈشتى. ئادار ئېلىپ كىرگەن داستىخاننى بەگىيۈسۈپ سالدى.
داستىخان سېلىشمىسىلا، بۇ يەردە ئۇزاق
308
ئۆلتۈرەلمەيمىز، دېدى ئېلىكخان ئۆزرە ئېيتىپ.
بۇ ساراي زەردار تىجارەتچىلەرنىڭ چوڭ ئائىلىسى. ئېزىپ تېزىپ كېلىپ قالغاندەك تۇيۇقسىز كېلىپ قېلىشتىلا، داستىخان سالمىساق قوزۇقۇردىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كەتمەمدۇ؟ ھاردۇق ئېلىشقا بولسىمۇ ئېغىز تېگىشكىلا، ئالىيلىرى، دېدى بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ.
مەزە گېزەك بىلەن داستىخان تولدى.
بەرىكەت بىز بىلەن بىللە بولىدىغان بولسا، چاي، تاماكقا ئەلۋەتتە ئېغىز تېگىمىز. بۈگۈ بىلگە جاناپلىرى، ئايزادە تۈركەن خاتۇن ئالدىغا قويۇلغان ئۆگەرنى ئېچىشكە تۇتۇندى.
مىلىكە ئالىيلىرى، بەرىكەت ھەرۋاقىت ئەل غېمىنى يەيدىغان، ئادالەت بىلەن ئىش بېجىرىدىغان ئىنسابلىق پادشاھ، خانىش بىلەن بىللە. ھەربىرىلىرى ئەلگە غەمخان بولغان خاقاننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، خىزمەتلىرىدە بولۇشنى شەرەپ بىلىمىز، بەگىيۈسۈپ تەۋەززۇ بىلەن بېشىنى تۆۋەن قىلدى.
يۇغرۇش بېشى، دېدى ئايزادە تۈركەن خاتۇن داستىخاندىن كۆزىنى ئۈزمەي، گەرچە بۇغرا قاراخان ۋاپات بولۇپ تەختتە ئىنىسى ئولتۇرغان، دۆلەت ئەركانلىرى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە جاناپلىرى ئۆمۈرۋايەت خانلىقىمىزنىڭ يۇغرۇش بېشى، ئەل ئاتىسى بولغان ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدە بىر ھەقىقەت ۋە ياخشى مەسلىھەت بار. بۇ سارايغا چۈشكىنىمىز خاسىيەتلىك بولغانىكەن، ئۇ سۆزىنى توختىتىپ، ئېتتەكلىپ قالغان دېمى ئوخشالغاندىن كېيىن داۋام قىلدى، جاناپلىرىنىڭ ئالدىدا، مەرھۇم ئاتىمىزنىڭ بۇ ۋەسىيىتىنى ئوغۇللىرىغا بۈگۈنلا يەتكۈزمىسەم كۆڭلۈم ئارامغا چۈشمەيدىغاندەك قىلىدۇ، ئۇ يەنە ئېغىر تىندى، بۈگۈ بىلگە مەھمۇد تېگىننىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇغرا قاراخان زىنداندا جان ئۈزۈش ئالدىدا: «ئوغلوم ئەبۇ ئەلى ھەسەن
ئارسلانخان مەن بەلگىلىگەن ۋەسىيەتتە قالىمەن، دەپ ئالدىراپسانلىق قىلىپ، ئەلدە قان تۆكۈلۈشكە سەۋەبچى بولۇپ قالالمىسۇن، ساداقەت، ئىتتىپاقلىق خانلىقىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرىدۇ. تەرەپبازلىق، خىيانەت خانلىقىمىزنى پارچىلايدۇ. خەلقنى كۈلپەت دېڭىزىغا غەرق قىلىدۇ. بۇنى ئوغلۇم زىنھار ئۇنتۇپ قالالمىسۇن. ئانىسىغا ياخشى قارىسۇن، ئۆكىلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئىجىل ئۆتسۇن، ئارازلاشمىسۇن! ئەپۇچان بولسۇن، تار قورساقلىق قىلمىسۇن. ھەر قانداق كاتتا شاھىنشاھ ئاۋامدىن چوك ئۆمەس. ئاۋامنى چوك بىلسۇن، ئاۋامغا غەمخان بولسا، ئاۋام مەدەتكار بولىدۇ» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغانىكەن. بۇنى ئەسلىرىدە چىڭ تۇتسىلا ئوغلۇم. پېقىرە مەرھۇم ئاتىلىرىنىڭ مۇشۇ ۋەسىيىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوزغۇردۇغا كەلدىم. ئۆزىپەمنى ئادا قىلدۇرغان ئاللاھدىن مىننەتدارمەن.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى:
— بۈزرۈكۋارىم، پېقىرمۇ بۈگۈ بىلگە ھاجىپ بەگىيۈسۈپ ئالدىدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، بۇغرا قاراخان ئاتامنىڭ قالدۇرغان بۇ ۋەسىيىتى بويىچە ئادالەتنى جارى قىلىدۇرىمەن، ھەرگىز ئالدىراڭغۇلۇق قىلمايمەن. خەلقنى مەدەتكار، قېرىنداش تۇغقانلىرىمنى قاياش بىلىپ، ئەلنى روناق تاپتۇرىمەن. دۇئا بەرسىلە!
— بالام، ئەمدى ئۆلسەم كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان بولدى، — ئايزادە تۈركەن خاتۇن دۇئاغا قول كۆتۈردى، — ئى بارا خۇدايا، بالىلىرىمنى تاجدۆلەتتىن، مەملىكەت ئەھلىنى بەخت - سائادەتتىن ئايرىما، ئىمانىنى كامىل، ئىراىدىسىنى مۇستەھكەم قىلغىن. پادىشاھىغا ھىممەت، ئەلگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئامىن!
ھەممە دۇئاغا قول كۆتۈردى.
— ئەمدى ئورداغا باراي، بەگىيۈسۈپ، رۇخسەت قىلغايلا، —
ئايزادە تۈركەن خاتۇن، ئالقىشېبەك ئۆلۈشى بىلەن ئورنىدىن قوپتى. ئېبلىكخان، ياقۇپ تېگىنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.
ئۇلار تىللا سارايدىن چىققاندا دەرۋازا ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇشقان، يۇرتۇغ، جاندارلار شاھانە مەپە، ئاتلارنى كەلتۈرۈشتى.
كۈن پېتىشقا ئاز قالغانىدى. بالاساغۇن شەھىرىنى ئالتۇن رەڭلىك شەپەق جولاسىغا چۆمۈلگەن گۈگۈم باغرىغا ئالغانىدى. ئەتراپقا زوقلىنىپ نەزەر سالغان ئايزادە تۈركەن خاتۇن:
— بەگىيۈسۈپ ھەزرەتلىرى، ئوردىكەنتتىكى بۈگۈ بىلگە، دوست — بۇرادەرلىرى سىلىگە بىزدىن كۆپ سوۋغا ئەۋەتىپتى. مەكتۇپلارمۇ بار. بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئېلىۋالغان بولسىلا، — دەپ ئىلتىپات كۆرسەتتى.
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، — بەگىيۈسۈپ ئۇلار بىلەن ئورداغا كەتتى.
3
ئاتىسى كەلمىگەنلىكىدىن، بۈۋىئايىشەنىڭ ئىچى تىت — تىت بولۇپ، ئىشىك ئالدىغا ئىككى قېتىم چىقىپ كىردى.
— ئاكام مەدرىسىدىن ئۇدۇل بۇ ئۆيگە كېلەمدۇ — يوق، كەلمىگىنىگە قارىغاندا، ئاتام بىلەن بىللە ئوخشايدۇ. موما، كېلىپ قالار، ئاشنى مەن كېسەي، سىلى ئارام ئېلىۋالسلا، — بۈۋىئايىشە ھاۋاخان ئاغىچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
— قىزىم، سىلى ئەتىگەنلىكتىن بېرى كېسەل كۆرۈپ چارچاپ كەتتىلە. بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا كىرىپ بىر ئاز ئارام ئېلىۋالسلا. دورا تەييارلايمەن، دەپ ھېلى يەنە ئىشقا كىرىشىپ كېتىدىلا.
دىلداربەكە قەشقەرگە كەتكەندىن كېيىن، بۈۋىئايىشە ھاۋاخان ئاغىچە ۋە ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇمنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن بۇ قورۇنىڭ باغ ئىچىدىكى ئۈچ ئېغىزلىق پېشايۋانلىق ئۆيىدە كېسەللەرنى
كۆرۈپ داۋالاشقا كىرىشكەنىدى. مۇستەقىل كېسەل داۋالاشقا كىرىشكەن بۇۋىئايىشەنىڭ نامى بالاساغۇن دىيارىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.
— قىزىم، ئاتىلىرى بۈگۈن كېلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ، — دېدى نامىزىنى ئوقۇپ بولغان ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم ئەپسۇسلانغان ھالدا، — زۆرۈر ئىشى چىقىپ قالغان بولسا كېرەك.
— ئاتام كېلىمەن دېگەنىدى. ئالدىغا بېرىپ باقايىمىكىن يا.
— ماقۇل، نېسىۋىسىنى ئالغاچ بېرىپ سالامىنى يەتكۈزۈپ قويسىلا، قونۇپ، ئەتە ئەتەگەندە يېنىپ كېلەلا بالام.
بۇۋىئايىشە ئوغلى بىلەن بەگبۇقا مەھەللىسىگە يەتكەندە، جامائەت خۇپتەندىن يانغانىدى. يېڭى چاقلانغان كۈمۈش ئورغاقدەك هىلال ئاي كۆكتە چاقناپ تۇراتتى. ئۇلار ئىشىك ئالدىدا ئادار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
— ئاتام كەلدىمۇ؟ — سورىدى بۇۋىئايىشە.
— ئورداغا كەتكەنىدى، تېخى كەلمىدى. بايا ئوردىدىن كەلگەن بىر قانچە مېھماننى باشلاپ كەلگەنىدىم. يېقىن بىلەن مەسچىتكە بارغانىدى. بەگتۈرمۈش ئۇلار بىلەن كېلىۋاتىدۇ، — دېدى ئادار ھويلىغا كىرىپ كېتىپ.
— ھە، ئاتام شۇنىڭ ئۈچۈن كېلەلمەپتىكەن — دە، — بۇۋىئايىشە خىيالچان نەزىرىنى يەردىن ئالماي ئاشخانا تەرەپكە ماڭدى، — ئادار ئاكا، سىلى مېھمانلار بىلەن بولسىلا. مەن قىزتۈرمۈش ئاچامغا قارىشاي.
ئادار ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتقان مېھمانلارنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەرپۇش توماق كىيىپ، سەللە ئورىۋالغانىدى. بەزىلىرى دوپپا، يەكتەك كىيىشكەنىدى. بەزىلىرىنىڭ بەلبېغىغا پىچاق، مىسۋاك، ئاچقۇچ، ناس قاپىقى ئېسىلغانىدى …
ئادار بىلەن بەگتۈرمۈش ئۇلارنى ئىچكىرى ھويلىدىكى
بەگبۇقا سارىيىغا باشلىدى. مېھمانلارغا تاماق بېرىپ بولغاندىن كېيىن، بۇغرايىشە ئودۇل ئاتىسىنىڭ خانىسىغا كىردى. ساندۇقنى ئېچىپ، ئاتىسىنىڭ بىر چاغلاردا ئاشقۇغا ئېلىپ قويغان ئەتلەس كۆڭلىكىنى ھىدلاپ باغرىغا باستى. كەمچەت تومقىنى كىيىپ باقتى. بوقۇلداپ يىغلاۋېتىپ، بىردىن ئاغزىنى تۇتۇپ، ياملىق بىلەن يېشىنى ئېرتتى. ئۇ ئاتىسىنىڭ كەلگىنىنى ھويلىدىكى ئاراك - چورۇقتىن بىلگەنىدى. رومىلىنى ئوخشاپ تارتىپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئىشىك ئېچىلىپ جانىبىدا غوجامنى كۆتۈرگەن بەگىيۈسۈپ كىرىپ كەلدى. — بالام، سىلى بۇ يەردە ئىكەنلىغۇ؟ مەن بۈگۈن يەنە بارالمىدىم، ئاتام، ئاپاملار تازا خاپا بولغاندۇ؟ خودا بۇيرۇسا ئەتە بېرىپ ئەپۇ سورايمەن، — ئۇ نەپىسىنى ئاۋايلاپ ياتقۇزدى، — كەلگىنىمگە خېلى بولدى. مېھمانلارنىڭ يېنىدا بولدۇم، بالام. كەلگەنلەردىن خەۋەرسىز قاپتىمەن. — ئۇزاق ساقلىدۇق، ئاتا. ئاخىر ئەنسىرەپ بۇ يەرگە كېلىشىم … — ئاۋارە بولۇپلا قىزىم. — ھەرۋاقىت تاماق يېگۈلىرى يوق، چاي دەملەپ بېرەيمۇ ئاتا؟ — مەيلى بىر — ئىككى پىيالە ئىچەي. بۇغرايىشە چىقىپ كېتىپ چاي دەملەپ كىردى. — ئوردۇكەنتتىن كىملەر كەپتۇ؟ ئوردىغا نېمىشقا باردىلا، ئاتا؟ — سورىدى بۇغرايىشە چاي سۇنۇۋېتىپ. بەگىيۈسۈپ چاينى ھوزۇرلىنىپ ئىچكەچ گەپ باشلىدى: — ئېلىكخان بىلەن مېنىڭ مۇھەممەد ئارسلانخان ۋە مەھمۇد تېگىنگە ئەۋەتكەن مەكتۇپىمىزدىن خەۋەرلىرى بار، بالام. بۈگۈنكى مېھمانلار مەرھۇم بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ چوك خانىشى ئايزادە تۈركەن خاتۇن، ئوغلى ياقۇپ
تېگىن، ئۇلارنىڭ مۇلازىم، كېنىزەك، غۇلاملىرى بىلەن بەگتاش خېلىل ئاكىلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشقا ئەۋەتكەن خىزمەتچىلىرى. ئۇلار سودىگەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ چوڭ بىر كارۋان بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار تىللا سارىيىغا چۈشكەنىكەن، ئادارباي ئاكىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە ئورداغا كېتىپ قالغاندىم، بالام.
— ئوردىكەنەتتىن قانداق خەۋەرلەرنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئاتا؟
— ئۇلاردىن ئاڭلىغانلىرىمنى بىر كېچە سۆزلىسەممۇ تۈگىتەلمەيمەن، بالام، — دېدى بەگىيۈسۈپ چايدىن بىر يۇتلاپ، — مەھمۇد تېگىن باشلىق دوست — يارەنلىرىم، تۇغقانلاردىن ئون بەش پارچە مەكتۇپ ئېلىپ كېلىشىپتۇكەن، ماۋۇ ئىككى مەكتۇپنى ئوقۇسىلا، بولغان ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپىدۇلا، بالام، — بەگىيۈسۈپ تونىنىڭ قويۇن يانچۇقىدىن خوتەننىڭ سامان قەغىزىدىن قىلىنغان لىپاپقا سېلىنغان ئىككى پارچە خەتنى چىقىرىپ بەردى، — بالام ئۆنلۈك ئوقۇسىلا، يەنە بىر ئاڭلاي.
بۆگۈنئايىشە ئاۋازىنى چىقىرىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! جاناپى ھۆرمەتلىك بۆگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ كىرئامىلىرى، جاناپلىرىدىن، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن، قوزغۇردۇ خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئاغام بىلەن جاناپلىرىنىڭ مەكتۇپىنى بۇغرا قاراخان بوۋامغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئوقۇپ، ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنى قارىلاپتۇ، دەپ قاتتىق ئاچچىقلاندى. مەن بۇ مەكتۇپلاردا يېزىلغان ئىشلارنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردۈم. بوۋام ئاچچىقلىنىپ كايىپ، مېنى بۇغراخان سارىيىدىن يەنە بىر
قېتىم قوغلاپ چىقاردى. ئەلھال، مەن ساچىيە مەدرىسىسىدە تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ئوردىغا بارمىدىم. ماڭا ئىخلاسمەن بەزى يۇغرۇش، ھاجىپلاردىن ئاڭلىسام، مۇھەممەد ئارسلانخان بوۋام نەچچە ھەپتە ئوردىغا چىقماي، ھەرەمدىكى ئارامگاھ سارىيىدا يېتىۋاپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا جاناپلىرى ئەۋەتكەن مەكتۇپ شۇنچە قاتتىق تەسىر قىلغانكى، ئۇ ئىككىلىنىپ قالغان. ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە قارىتا ئىشەنچىنى يوقاتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك چۆك ئوغلى بولغان ئاتام ھۈسەيىن ئارسلانخانغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئوردىكەنتكە كېلىشىنى ئۆتۈنگەن. جاناپلىرىغا بۇ مەكتۇپنى يېزىش ئالدىدا ئاتام بارغاندىن ئوردىكەنتكە كەلدى. بوۋامنىڭ پەرمانى بىلەن يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگ پۈتۈن ئوردىكەنت ئەھلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ پايتەختتىن يەتتە چاقىرىم كېلىدىغان يەرگە قارشى ئالغىلى چىقتى. داغدۇغا چۆك بولدى. بوۋام مېنى ئالدىغا چاقىرىپ ئۆزى بىلەن بىللە قارشى ئېلىشقا چىقىشىمنى ئۆتۈندى. بەلكىم مېنىڭ ئۆزى بىلەن چىقماي قېلىشىمدىن ئۇڭايسىزلىق ھېس قىلغان بولسا كېرەك. مەن ماقۇل بولدۇم، كاتتا ھۆرمەت - ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىنغان ئاتام بوۋامنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈش ئورنىتىلغان بۇغراخان ئوردىسىغا چۈشتى. بۇ ئونىڭ بۇغرا قاراخان بولىدىغانلىقىغا بېشارەت ئىدى.
بۇغرانى قەيسەربەگ يېتلىدى. مەن ئاتامنى مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ ھەرەمگە ئېلىپ كىردىم. بۇ خەتنى يېزىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئاتام بىلەن ئايرىم سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. ئۇ كۈنى ئاتامنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن ئوپالغا كېتىۋاتاتتۇق. مەن بىلەن قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان ئاتام: «ئوغلۇم، سىلى نەچچە قېتىم سوراي دەپ سورىيالماي كېلىۋاتقان ئىشنى، ئوردىكەنتكە نېمە ئۈچۈن كەلگىنىمنى ئەمدى دەپ بېرەي» دەپ سۆز باشلاپ، بوۋامنىڭ چاپارمەندىن
خەت ئەۋەتكەنلىكىنى، خەتتە: ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبلىكخان ئاكام بىلەن بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ يازغان مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىپ، «دەرھال ئوردۇكەنتكە كېلىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. مانا شۇ سەۋەبتىن كەلدىم، بالام» دېدى. مەن: «ئىبلىكخان ئاكام بىلەن بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپنىڭ مەكتۇپىغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىدۇم، «ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. راستىمىكىن دېسەم، ئوردىدا غەيرىي ئەھۋالنى چىپلىقتۇرمىدىم. قەيسەربەگ، دوقاقبەگلەر بۇغرا قاراخان بولۇشۇمنى قوللاۋاتىدۇ. قۇماربەككە ئابامىلار بىلەن بىللە مېنى ئالاھىدە كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ مەكتۇپىدا يېزىلغان ئىشلارنى يالغانمىكىن دەي دېسەم، دەلىل - ئىسپاتلىرى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. ئېچىندۇرىدۇ، تەشۋىشلەندۈرىدۇ. مەنمۇ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، بالام. بۇ سىرنى يېشىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. مەن بۇغرا قاراخان بولغاندىن كېيىن ناۋادا بەگىيۈسۈپلەرنىڭ يازغىنى راست بولسا، قەيسەربەگ قاتتىق جازالىنىدۇ. مۇبادا يالغان بولسا بوزاغۇ قەيسەربەگ بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. بەگىيۈسۈپ سويقەستچى بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا قوزغۇلاڭغا يۈرۈش قىلىمەن» دېدى. مەن دەسلەپ مەكتۇپ ئېلىپ كەلگەن ئاداينىڭ يوقىلىپ كەتكىنىنى سۆزلەپ بېرىپ: «قەيسەربەگنىڭ كۆرۈنۈشتە ساداقەتمەن بولۇۋالغىنى بىر نىقاب، ئاداينى قەيسەربەگ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ بىر قانلىق سويقەستنى پىلانلاۋاتىدۇ» دېدىم. ئاتام تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشقا ۋەدە بەردى. ئەلھال، ئوردۇكەنتتە ھەممە ئىشلار لايىقىدا كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئېھتىمال كۆرۈنۈشتە شۇنداقتۇر. تېخى ئاداينىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىدىم. ئاتام كېلەر يىلى كۆكلەمدە بۇغرا قاراخانلىق تەختىدە ئولتۇرىدىكەن. ۋەلىئەھدى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىردىن باشلاپ، بوۋام مۇھەممەد ئارسلانخان بىلەن بىللە بۇغراخان سارىيىدا شاھىنشاھلىق تەختىدە
ئۆلتۈرۈپ ھۆكۈم يۈرگۈزۈدىكەن. كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئاللاھقا مەلۇم.
ھۆرمەتلىك دوستۇم مەۋلانا بەگىيۈسۈپ، نېمە ئۈچۈندۇركى كۆڭلۈم غەمسىز. بىر پاجىئە يۈز بېرىدىغاندىلا قىلىدۇ. زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتتىممۇ ياكى غەپلەتتە قېلىۋاتامدىمەن؟ بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى بىلىدۇ، مېنىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىدىغىنى، تەكەببۇر، كۈلۈمسىرىشلەر، ئېگىلىپ سالام بېرىشلەرگە يوشۇرۇنغان ھەسەتخورلۇق، كىمخاب تون ئىچىدىكى قىلىچ - خەنجەرلەر…
بولدى، بۇ توغرۇلۇق يېزىپ كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلماي، باشقا كەلگەننى كۆرىمىز. ئەگەر بىرەر ئەھۋال يۈز بەرسە دەرھال مەكتۇپ ئەۋەتىمەن.
ئۇشتۇمتۇت كېلىدىغان بالا - قازادىن ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.
جانابىڭىزغا سەۋر ۋە چىدام ھەممىشە ھەمراھ بولغاي.
ھۆرمەت بىلەن: مەھمۇد كاشغەرىي.
ھىجرىيە 448 - يىلى زۇلھەججىنىڭ 19 - كۈنى ① ئوردۇكەنت»
بەگىيۈسۈپ باش چايقاپ ساقىلىنى سىقىمىلىدى.
— قىزىم كۆردۈڭمۇ، ھايات نېمىدېگەن مۇرەككەپ، سىرلىق - ھە ! ئەھۋال شۇنچە ئېنىق تۇرسىمۇ، مۇھەممەد ئارسلانخان دوست - دۈشمەننى ئايرىيالماپتۇ. ھۈسەيىن ئارسلانخان بىزگە ئىشەنچ قىلالماپتۇ. بۇ مەكتۇپ ئەندىشەمنى كۈچەيتىۋەتتى، قىزىم. ئەمما، مەن شۇنىڭدىن ئۈمىدۋارمەنكى، قانداق پاجىئە يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ھەقىقەت ھامان ئاشكارا بولىدۇ. قارا بۇلۇت كۈننى توسۇپ قالالمايدۇ. ئېلىكخانغا
① مىلادىيە 1057 - يىلى 9 - ، 10 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
مۇشۇ تەسەللىنى بېرىپ ئوردىدىن قايتقۇچە كېچ كىرىپ كەتتى.
بۇۋىئايىشە ئىككىنچى خەتنىمۇ ئوقۇپ بولۇپ بەگىيۈسۈپكە بەردى:
— ئوردىدىكى ئەھۋاللار راستلا سىرلىق ئىكەن، ئاتا. ئاتاساغۇن دىلدار ئاچامدىن مەكتۇپ كەلمەپتىمۇ؟
— ياق، قىزىم، دىلدار ئاغىچا مەكتۇپ ئەۋەتمەپتۇ، — دېدى بەگىيۈسۈپ مەيۈسلەنگەن ھالدا، — خەت يېزىپمۇ قالار. سىلى خەت يېزىپ قويسىلا بالام. ماڭىدىغانلاردىن ئەۋەتىۋېتەي.
— ماقۇل ئاتا. چوقۇم خەت يازىمەن. خۇدا نېسىپ قىلسا، يەنە دىدار كۆرۈشۈپ قالساق ئەجەب ئەمەس، — بۇۋىئايىشە ئورنىدىن تۇردى، — ئاتا، چارچاپ قالدىلا. ئەمدى ئارام ئالسلا، — ئۇ تۇرۇپ قېلىپ، ئۆكسىپ ئېسىگە چۈشۈپ سورىدى، — بەگتۈرمۈش ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ قالمىغاندۇ؟
— ياق قىزىم، ئوغلۇم مېھمانلارنىڭ يېنىدا. جېنىدا غوجام ماڭا ھەمراھ بولۇپ قېشىمدا ياتسۇن.
بۇۋىئايىشە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئوغلىغا بىر قارىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ نەۋرىسىنىڭ يوتقىنىنى ئوڭشاپ يېپىپ خەتلىرىگە يەنە كۆز يۈگۈرتتى. ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقانىدى.
ئون بىرىنچى باب: شۇم خەۋەر
1
ۋاقىت كۆزگە كۆرۈنمەس تۇلپار. ئۇ بىر خىل تېزلىك بىلەن كۈنلەرنى كەينىگە تاشلاپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. تۇرار جايى، ئۆتكىلى يوق. ئۇنى ئاستىلىتىش، تېزلىتىش، توختىتىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. لېكىن، ۋاقىت بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ. بىر ئىشقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىزغىن بېرىلگەندە، ۋاقىت تېز ئۆتكەندەك تۇيۇلىدۇ. ئۆزى خالىمىغان ئىشقا مەجبۇر قىلىنغاندا، ناھايىتى ئاستا ئۆتكەندەك تۇيۇلۇپ، ئادەمنىڭ ئىچى تەت - تەت بولۇپ كېتىدۇ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنىساناغا ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتكەندەك بىلىنىپ، جىمغۇر، خىيالچان بولۇپ قالغانىدى.
غۇر - غۇر شاماللىق كۈز ئايلىرى ئەندىشە، كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە چىقىپ كەتتى. قەشقەردىن كەلگەن ئاشۇ كارۋاندىكى تىجارەتچىلەر ماللىرىنى سېتىپ، مال ئېلىپ، ئاللىبۇرۇن قايتىپ كېتىشكەنىدى. بەگتۈزۈپ ئۇلاردىن بەگتاش خېلىل بىلەن مەھمۇد تېگىنگە، بۈۋىئايشە دىلداربېكەگە خەت يېزىپ بەرگەنىدى.
قىش كىرگەندىن بۇيان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنىسخان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شىكارغىمۇ بىرنەچچە قېتىم چىقىپ باقتى، لېكىن كۆڭلىدىكى غەشلىك تارقالمىدى.
— ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى - سائىتى بولىدۇ، ئىبنىسخان
ئالىيلىرى. ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالسلا. يېقىنغا مەلۇمكى، سىلى قارا نىيەت كاززاپلارنى جازالاشقا ئالدىراۋاتىدۇلا، ئۇ مەلئۇنلارنى جازالاشقا تەگىرم يېتەرلىك ۋاقىت بېرىدۇ، — دەپتتى بەگىيۈسۈپ ئۇنى سەۋر قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، ئېلىكخان بېسىققا چۈشۈپ قالاتتى.
ئىنىسى ياقۇپ تېگىن بالاساغۇنغا كەلگەندىن بېرى، ئاكىسىنىڭ يالغۇز ئوغلىغا ھەمراھ بولۇپ، «رەيھانىيە» مەدرەسەسىدە ئوقۇۋاتاتتى. ئۇ مۇدەررىسلەر ئىچىدە بەگىيۈسۈپنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇنىڭدىن بۆرە تېگىن توغرۇلۇق ئاڭلاپ، بۇ شاھزادىگە غايىبانە ئىخلاس باغلىدى. ئانىسىنى بۇخاراغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، سەمەرقەنتكە بېرىپ، بۆرە تېگىننىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
ئاكىسى ئىنىسىنىڭ بۇ خىيالىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ جەڭگىۋار، غەيرەتلىك ئادەم بولغىنىدىن خۇش ئىدى. ئۆز يېنىدا تۇرۇپ، يالغۇز ئوغلىغا ھەمراھ بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخاننىڭ ئەبۇ ئەلى ئەھمەد ھارۇن چاغرى تېگىن ئاتلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. قىزلىرى سېھرانىسەنى تاغىسى مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ئۆمەر تېگىنگە، سەروانىسەنى ئۇنالچۇق تېگىننىڭ نەۋرىسى ئېلىزادەگە ياتلىق قىلغانىدى. سەروانىسە بەختكە قارشى تۇنجى تۇغۇتدا ئاپات بولۇپ كەتتى. ھازىر يېنىدا ئوغلى چاغرى تېگىن بار ئىدى، ئۇنىڭ تويىنى قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، ئاتىسىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى كېلىپ، توي تەرەپكە سۈرۈلگەندى.
چاغرى تېگىن ئاتىسىدەك كەم سۆز، ئېغىر — بېسىق، خىيالچان يىگىت ئىدى. ئۇ شوخ، مىجەزى چۇس ياقۇپ تېگىن بىلەن ئانچە چىقىشالمىدى. ئۇلارنىڭ ھەۋىسىمۇ ئوخشىمايتتى. چاغرى تېگىن كىتاب ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا قىزىقاتتى. ياقۇپ تېگىن ھېكايە — چۆچەككە، شىكارغا، جەڭ قىلىشقا ئامراق ئىدى. ئاكىسىدەك ئېلىكخان، ھەتتا بۇغراخان بولۇشنى ئارزۇ
قىلاتتى.
بەگىيۈسۈپ بۇ ئىككى شاھزادىنىڭ بىر - بىرىگە تازا يېقىنلىشالماي يۈرگىنىنى سېزىپ، ئۇلارنىڭ قان - قېرىنداشلىق رىشتىنى چىڭىتماقچى بولدى.
بەگىيۈسۈپ بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى بولغان بۇ ئىككى شاھزادەنى خاس ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىردى.
— تالىپلارغا بۈگۈن ئۆتىدىغان دەرس ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، سىلەرگە ئۆتىدىغان دەرس ئاخىرلاشمىدى، — دېدى ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، — تەڭرى ئىنسانلارنىڭ چىرايىنى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپلا قالماستىن، مىجەز - تەبىئىتىنىمۇ ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان، بۇغرا ئالپىم. ئادەمنىڭ چىرايى، كۆزقارىشى، ئورنى ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەمما، خۇي - مىجەزى، تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ئۆزگەرمەسلىك ئادەمنىڭ جىسمانىيىتى بىلەن روھىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئادەملەرنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ باراۋەرسىزلىك قارشىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. مانا شۇ قارشىلىق ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش — پەلەك چاقىنى چۆرگىلىتىپ دۇنيادا يېڭىدىن - يېڭى تەرەققىياتلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بۇ بىر قانۇنىيەت. بۇ قانۇنىيەتنى كۆپ كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ ياكى يۈزەكى چۈشىنىدۇ. چۈشەنگەنلەر، ئەقىلنى ئىشلىتىپ بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلەشمەي دوست بولالايدۇ. ھەسەت قىلماي بىر - بىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت، غەلىبىسىدىن پەخىرلىنىدۇ. ھەمىشە بىر - بىرىگە خالىس ياردەم بېرىش كۈيىدە بولىدۇ. قېرىندىشى، دوستىنىڭ سەۋەنلىك، خاتالىقلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىدۇ. بىر - بىرىدىن رەنجىشمەي، ئارازلاشماي، گۇمانلانماي، يول قويۇشنى، ۋاپا - ساداقەتنى ئەلگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ
باشلامچىسى قىلىدۇ. «ياخشى سۆز ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ» دەپ تونۇپ، يامان نىيەتتە بولمايدۇ. شۇڭا … — بىلىم ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر ئىكەن — دە، — دەپ سۆز قىستۇردى ياقۇپ تېگىن. — توغرا، بىلىم ئۆگىنىشىمىز كېرەك، — دەپ قۇۋۋەتلىدى چاغرى تېگىن. — توغرا دېدىڭلار، بۇغرالىرىم. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە ئادەم بىلىم ئۆگىنىشى زۆرۈر. ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۈتۈن بىلىم. ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى بىلىشى، چۈشىنىشى كېرەك. ئۆزىنى بىلگەن، چۈشەنگەنلا، دۇنيادىكى سان — ساناقسىز شەيئىلەرنى بىلىەلەيدۇ، چۈشىنەلەيدۇ، ياخشى — ياماننى، دوست — دۈشمەننى ئايرىيالىدۇ، ئىسلاھ قىلىشقا، ئىجاد — كەشىپ قىلىشقا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئارزۇ — ئارمانىغا يېتەلەيدۇ. ھالبۇكى، كۆپ ئادەملەر ئۆزىنى بىلمەي، چۈشەنمەي دۇنيادىن ئۆتىدۇ ۋە تەڭرى بىلىپ، چۈشىنىپ، ئېرىشكەن دېگەن بەخت — سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن بىلىمنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەنگەنسىلەر؟ — چۈشەندۇق، — ياقۇپ تېگىن كۆڭلىگە كەلگەن سوئالنى سوراي، دەپ نېمە ئۈچۈندۇر توختاپ قالدى. بۇنى سەزگەن بەگتۇسۇپ ئۇنى رىغبەتلەندۈردى. — بۇغرام، يەنە نېمىنى بىلگۈڭىز بار؟ تارتىنماي سوراڭ. — مەن بىلىم ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدىم، كىشى قارا، ئەمما … — ئەمما نېمە شاھزادەم؟ — بۇغرا قاراخان ئاتامنىڭ ئۆلۈمى، مۇھەممەد ئارسلانخان تاغامنىڭ تەختكە چىقىشى بىلىم بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ، كىشى قارا؟
ئەلۋەتتە، بۇغرام. تەڭرى ياراتقان بۇ دۇنيا پادىشاھلار تەرىپىدىن قەلەم ۋە ئەلەمدىن ئىبارەت ئىككى قورال بىلەن ئىدارە قىلىنىدۇ. قەلەم بىلىكنى، ئەلەم تۇغنى كۆرسىتىدۇ. قەلەمگىلا تايانغان پادىشاھ ئەلنى روناقتىن تاپتۇرسىمۇ، قۇدرەت تاپتۇرالمايدۇ. سۇلايمان ئارسلانخان قەلەمگىلا تايىنىپ ئەلنى روناق تاپتۇرغان بولسىمۇ، قۇدرەت تاپتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەلەمگە تايانغان مۇھەممەد ئارسلانخانغا تەختنى تارتىقۇزۇپ قويۇپ، زىنداندا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتتى. ئەگەر قەلەم بىلەن ئەلەمگە تەڭ تايانغان بولسا، تەختنى تارتىقۇزۇپ قويمايتتى. پادىشاھ ئۈچۈن قەلەممۇ، ئەلەممۇ ئوخشاشلا مۇھىم، بۇنى زىنھار ئېسىڭلاردىن چىقارمىغايسىلەر.
ئېسىمىزدىن چىقارمايمىز، كىشى قارا، دېدى چاغرى تېگىن قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ.
مۇھەممەد ئارسلانخان تاغامچۇ؟ ئۇ سۇيىقەستچىلەرگە پاناھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈۋېرىمدۇ، كىشى قارا؟ ياقۇپ تېگىن يەنە سوئال سورىدى.
ياق، شاھزادەم، ئەلەمگە تايانغانلارنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. ئەلەمگىلا تايانغان زوراۋان پادىشاھنىڭ پۇت قولىنى قارانىيەت، سۇيىقەستچى خۇشامەتچىلەر چۈشەپ قويىدۇ. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ پۇت قوللىرى چۈشەپ قويۇلغان. ئۇ نەخەتتە ئۇزاق ئولتۇرالمايدۇ. يەنە قانداق سوئالىڭلار بار؟
مەن ئەلەمگە قىزىقاتتىم، كىشى قارا. بىلدىمكى، قەلەمگىمۇ ئىشتىياق باغلىشىم كېرەك ئىكەن. مەن بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىۋالدىم، دېدى ياقۇپ تېگىن. ئۇ قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك قىلاتتى.
مەن قەلەمگە ئىشتىياق باغلىغانىدىم. ئەلەمگە سەل قارىماسلىق، قەلەم بىلەن ئەلەمنى ئىككى قولدا تەڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدىم، كىشى قارا. بۇنىڭدىن كېيىن ئاكام ياقۇپ تېگىن بىلەن پات پات شىكارغا چىقىپ، قىلىچۋازلىق،
نەيزىۋازلىق، چەۋەندازلىق ماھارىتىمنى ئۆستۈرىمەن، — چاغرى تېگىن ياقۇپ تېگىنگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
— شاھزادىدەك گەپ قىلدىڭ، قېرىندىشىم، — ياقۇپ تېگىن ئۇنىڭ بېقىنىغا تۈرتۈپ قويۇپ، بەگىيۈسۈپكە باقتى، — ھۆرمەتلىك كىشى قارا، ئەرزىمەس سوئاللارنى سوراپ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى زايه قىلىۋاتىدۇق. ئەمدى ئۆتمەكچى بولغان دەرىسلىرى بىلەن قارائىغۇ كۆڭلىمىزنى نۇرلاندۇرساق.
— ئۆتمەكچى بولغان دەرس ئاخىرلاشتى، بۇغرا ئېلىم. بىر-بىرىڭلاردىن چۆغلۇق تالاشمايدىغان، جاننى ئايىمايدىغان ئۆمۈرلۈك قېرىنداش، ۋاپادار دوست بولۇپ ئۆتۈكەيسىلەر، «تەكەببۇر، ھاكاۋۇر بولساڭلار، ئايغىغلار بىلەن يەرنى تېپىشۈپتەلمەيسىلەر. ھەرقانچە گىدەيسەڭلارمۇ ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسىلەر». بۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارمىغايسىلەر.
— ئېسىمىزدىن چىقارمايمىز، كىشى قارا، — شاھزادىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
بەگىيۈسۈپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۆيىگە كەلگەندە شامغا ئەزان چىقتى. ئىتتىك تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدى. بىرىسى ئىشىكنى ئېچىپ يەنە يېپىپ قويدى. بەگىيۈسۈپ دۇئا قىلىپ ئورنىدىن تۇردى.
2
ئۇ ئىشىكتىن چىقىپلا كۈتۈپ تۇرغان ئاداشنى كۆردى.
— ئاداش ئاكا، ئۆيگە كىرمەي نېمىشقا بۇ يەردە تۇرىدۇلا؟
— ناماز ئوقۇۋاتىپتىكەنلا، ئىنىم، ساقلاپ تۇرۇۋېدىم.
بەگىيۈسۈپنىڭ قايتا-قايتا ئۆتۈنۈشى بىلەن ئاداش ئۇنى «جانابلىرى»، «ھەزرەتلىرى» دەپ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن ئاتىماي، «بىر تۇغقاندەك «ئىنىم» دەپ ئاتايدىغان بولغانىدى.
— بىر ئىش بولمىغاندۇ، ئاكا؟ — بەگىيۈسۈپ ئادارنىڭ قايغۇلۇق چېھرىگە كۆز سېلىپ سورىدى.
— بودراچ ئانا ۋاپات بولغانىكەن، كەنجى ئوغلى خەۋەر قىلىپ قويۇپلا كەتتى. بونىڭدىن ئۆزلىرىنى ۋاقىپلاندۇراي دەپ …
— ھە، ئانداق بولسا ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ھازىرلا بارايلى. يولىمىزدا قازىكالاننى ۋاقىپلاندۇرۇپ ئۆتەيلى، — دېدى بەگىيۈسۈپ. ئۇ ئالدىراپ كىيىنىپ چىقىپ، ئادار بىلەن مەھەللىدە يۈرۈپ كەتتى. يول ئۈستىدە ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇمنى مۇسابەتتىن خەۋەرلەندۈردى.
بوستانكۆل مەھەللىسىدىكى باغلىق قورۇغا بارغاندا، ئاشانبۇقا ئايۋان سۇپىسىدا ياتقۇزۇپ قويۇلغان بودراچ موماينىڭ بېشىدا ئۆكسۈپ ئولتۇراتتى. ئون ئىككى ئوغلى، يەتتە ئون تارتۇق نەۋرە — چەۋرىلىرىنىڭ يىغا — زارىغا چىداپ بولمايتتى. ئاشانبۇقا قازىكالان ھەم بەگىيۈسۈپنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى — يوق، تۇرالماي يىقىلىپ ھوشىدىن كەتتى. بەگىيۈسۈپ ئۇنى ئوغۇللىرى بىلەن كۆتۈرۈپ ساراي ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزدى. بىر ئازدىن كېيىن ئاشانبۇقا كۆزلىرىنى ئاچتى. ئۆيدە لىق ئولتۇرغان بەگىيۈسۈپ، قازىكالان باشلىق مۇسىبەتلەرنى كۆردى.
— مەن سەكسەن يىللىق ھەمراھىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، غوجام بالام، — دەپ يىغلاپ كەتتى ئاشانبۇقا، — ئۇ دۇنياغا بىللە كېتەتتۇق، دەپ ئارزۇ قىلغانىدىم، قەدىناسىم مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ئەمەسمۇ، ئاھ خۇدا، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن …
ئاتىسىنىڭ ئاھ — زارىنى ئاڭلىغان ھويلىدىكى ھازىردار ئوغۇللار: «ئاھ ئانام، مېھرىبان ئانام!» دەپ يەنە يىغا باشلاشتى. ئۇلارغا نەۋرىلەر — چەۋرىلەر قوشۇلۇپ باغ ئىچىنى كۆتۈرۈۋەتتى.
مەرھۇمەنىڭ يېنىدىكى كۈنداشلىرى، كېلىنلىرى، سىرداش، مۇڭداش بولغان ھەمسايىلەرمۇ قوشاق قېتىپ يىغلىشىپ
كۆزلىرىدىن دەريا - دەريا ياش ئاققۇزۇشتى.
بۇدراچ موماي ۋاپادار خوتۇن، مېھرىبان ئانا ئىدى، پۈتۈن ئۆمرىدە ئېرىگە كۆيۈنۈپلا ئۆتكەنىدى. ۋاپادارلىقى، كۆيۈمى بىلەن ئېرىنىمۇ، بالىلىرىنىمۇ، ئۆزىنىمۇ، ھەتتا كۈنداشلىرىنىمۇ رازى قىلغانىدى.
ئاشانبۇقا قول چىقىدىمۇ خوتۇننىڭ ياخشىلىقىدىن ھاردۇق يېمىگەن، خورلۇق ھېس قىلمىغانىدى. ئاشۇ شۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايتتى، باغۇ-ھايات بېغىدىن ئايرىلىپ قالغىنى ئۈچۈن چىدىيالماي قالغانىدى.
بەگىيۈسۈپنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئاياغدا ئولتۇرغان بەگتۈرمىش قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. يىغا - زار ئاستا - ئاستا پەسىيىپ، پۈتۈن باغ - ھويلا تىمىتاس بولۇپ كەتتى.
ئاشانبۇقا، بەگىيۈسۈپ، قازى كالان، ئەبو يۈسۈف مەخدۇم مەرھۇمەنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بولۇپ ئۇخلىمىدى.
تاڭنىڭ يورۇشى بىلەن ئەزان چىقتى.
بەگىيۈسۈپ ئەزان ئېيتىلىپ بولۇشقا:
- ئەمدى مېيىتنى كۆتۈرەيلى، - دەپ، جىنازىنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئادار بىلەن مۈرىسىگە ئالدى.
ئاشانبۇقانىڭ ئىككى ئايالى، كېلىنلىرى، نەۋرە قىزلىرى، بۇۋىئايىشە، ئايسىلىك، ئارچۇنلار ئىشىك ئالدىغا يىغىلىشىپ چىقىپ مەرھۇمەنى ئۇزىتىپ قالدى.
بالاساغۇن دىيارىغا تونۇشلۇق بولغان بىر يۈز ئون ئىككى ياشلىق ئاشانبۇقانىڭ ھۆرمىتىدىنمۇ، نەچچە مىڭ خالايىق بۇدراچ موماينىڭ نامىزىغا داخىل بولدى. ئاق يوپۇق يېپىلغان جىنازە ئادەم دېڭىزى ئۈستىدە خۇددى يەلكەندەك چايقىلىپ، چۇ دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دۆڭلۈككە چىقتى. بۇدراچ موماينىڭ كېپەنلەنگەن تېنى قاراڭغۇ، سوغۇق گۆرگە قويۇلغاندا،
326
مەرھۇمىنىڭ تەلى①سىگە يىغىلغان ئاياللار ساراي، ئايۋان، پېشايۋانلارغا لىق توشقانىدى، ھاۋاخان ئاغىچا، بۆشۈكلەر بىلەن جەرە سېلىپ زىكرى - سۆھبەتنى باشلىدى.
قىلماس ۋاپا بۇ دۇنيا، سالار جاپا بۇ دۇنيا، ياغاچ ئاتقا مىندۈرۈپ، قالار دۇنيا، بۇ دۇنيا.
ئۇنتۇمىغىن ئاللانى، ھۇم، ئاللا، ھۇم …
قىز - ئاياللار بىر ئۆپكىلەپ - بىر رۇسلىنىپ جەرە سېلىپ توۋا - ئىستىغپار ئوقۇدى. ياش تۆكۈپ گۇناھىنى تىلىشىتى. ھاۋاخان ئاغىچا قوللىرىدا ياقىسىنى تۇتۇپ، بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
قىلما ھەرگىز يامانلىق، ياماندا يوق ئامانلىق، ئۆگەنمىسەڭ كۈلپەتتە، قالدۇرىدۇ نادانلىق.
ئۇنتۇمىغىن ئاللانى ھۇم، ئاللا، ھۇم …
ھەممىيلەن ئاق رومالغا ئورىنىپ، خىلمۇخىل تىلەك، ئوخشىمىغان مۇددائادا ياش تۆكەتتى. ھەمىشە ئۆزىنى باشقىلارغا شاد - خۇرام كۆرسىتىپ يۈرىدىغان بۇۋىئايشە مومىدەك كۆرۈنىدىغان مەرھۇمىنى ياد ئېتىپ ئاھ چەكتى. نازۇك تەنلىرى
① تەلى — گۇناھىنى تىلەپ ئىبادەت قىلىش، مېيىت ئۇزىتىلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ توۋا - ئىستىغپار ئېيتىشى.
ياپراقتەك تىترەيدى. پىراق ئوتىدا ۋۇجۇدى سىماپ كەبى ئېرىپ، قىز - ئاياللار مۆكۈلۈپ ئېيتىتقان ھېكمەتكە قوشۇلدى:
يامغۇر چۈشەر بۇلۇتتىن، يىپەك چىقار قۇرتتىن، كۈلۈپ باقار سائادەت، ئايرىلمىساڭ ئۆمدىن.
ياھۇ، يائاللا، گۇناھىمنى كەچۈرگىن، پەرۋەردىگارىم. ھۇم، ئاللا، ھۇم!
ئاشان بۇقانى قولتىقىدىن يۆلەۋالغان ئوغۇل، نەۋرە - چەۋرىلىرى «ئاھ ئانام، غېرىپ بولدۇق ئانام» دەپ يىغلاپ كىرىشكەندە، ھېكمەت ئوقۇۋاتقان بوۋايلار دۇئا قىلىپ تىلىنى ئاياغلاشتۇردى. ئازىدار قىز - ئاياللار ھويلىغا چىقىشتى - دە، ئاشان بۇقا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغا - زار قىلىشتى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم پېشايۋان سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ، سۈرە «تابارەك» نى تىلاۋەت قىلىشقا باشلىدى، يىغا توختاپ ھەممە جىسىم بولدى. ئۇ دۇئائا قول كۆتۈرۈپ:
- جامائەت، بىز ھەممىمىز ئاللانىڭ دەرگاھىغا - ئۇ دۇنياغا قايتقۇچىلارمىز. بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ. ھەممە ياخشىلىق، ساۋابلىق ئەمەللەر مۇشۇ قونالغۇدا قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ھەممە ناشايان ئىشلارمۇ مۇشۇ قونالغۇدا سادىر بولىدۇ. بىز ياراتقۇچىمىز ھەقتائالادىن كۆڭلىمىزگە ئىنساب، ھىدايەت تىلەيلى. يامان ئىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەل بىلەن ئائىلىمىزنى، يۇرت - ۋەتىنىمىزنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن ياخشى
نىيەتتە جۈرئەت كەمىرىنى بېلىمىزگە مەھكەم باغلايلى. مەدەتكارىمىز ئاللاھدۇر، ئامىن!
- ئامىن! - ئاشانبۇقا ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى… بۇدرامۇچ موماي مۇرادىغا يېتىپ كۆز يۇمغانىدى. ئاشانبۇقا بۇ ۋاپادار مەھبۇبىنىڭ گۇناھىنى ئاللاھدىن تىلەپ ئون نەپەر ئايال قۇلنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلدى ۋە ئۇلارغا ئۆز بېغىدىن تۇرار جاي بەردى. ئىككى خوتۇنى، بالىلىرى بىلەن كۈنلىرىنى خاتىرجەم، خوشال-خورام ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى… بۇ يىل نورۇزدا ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولدى. قاشتىشىدەك سۈزۈك ئاسماندىن نۇر تۆكۈلەتتى. ئاشانبۇقا خوتۇن-بالىلىرى بىلەن مەرھۇم رەيھاندىنبەگنىڭ قورۇسىغا كېلىپ، بەگىيۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ جەمەتى بىلەن نورۇز بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزدى. بۇۋىئايىشە، قىزتۇرمىش ئەتكەن كۆجە، سۈمۈلەك ئاشلىرىغا ئېغىز تەگدى. ئۇلار كۆك چۆچۈرىسى يېيىشتى. يېڭى كىيىم كىيىپ، بويۇندۇق ئاسقان بەگتۈرمىش ئادار، ئاشانبۇقانىڭ ئوغۇللىرى بىلەن كۆيدۈرىدىغان ياغلىق قاپاق، بادىرلارنى تەييارلاپ قويۇپ، نورۇز مەرىكە مەيدانى بولغان چۆدەرياسى بويىغا كېتىشتى. بەگىيۈسۈپمۇ قېيىناتىسى ئەبۇپۇتۇھ مەخدۇم، ئاشانبۇقا، ئادار ۋە باشقا تۇغقانلىرى بىلەن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان مەرىكە مەيدانىغا باردى. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان يۇرتۇغ، جاندارلىرى بىلەن كەلدى. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن بەگىيۈسۈپ «نورۇزنامە» ئوقۇپ، نورۇز مەرىكىسىنى باشلاپ بەردى. ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، نەيزىۋازلىق، قىلىچۋازلىق ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى. ئاشانبۇقا يۈز ياشلىقلار ئارا چېلىشىشتا پالۋان بولۇپ، ئېلىكخاندىن تارتۇق ئالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىمۇ قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، يادىن ئوق ئېتىشتا ئوزۇپ چىقىپ تارتۇقلاندى. ئات بەيگىسىدە بىرىنچى بولۇپ تارتۇقلانغان جاندارلار بېشى كۆك بۆرە ئالىپ ئېلىزادەبەك مەيداندىن چىقىشتا، ئۆزىگە
چۆرۈلگەن ياغلىق، گۈللىرىنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى تاللاپ، ئاياللار ئىچىدە تولۇن ئايدەك مۆجىزىلىپ تۇرغان بۈۋىئايىشەنىڭ ئېتىكىگە تاشلاندى. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارا چېلىشىشتا پالۋان بولغان سۇباشى ئالىپ ئورخۇنبەگ ئايسىلىقنىڭ ئېتىكىگە گۈل تاشلىدى. بۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى ھەيران قىلغان قۇتلۇق ئىش بولدى.
نورۇز بايرىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى رەيھاندىنبەگنىڭ قورۇسىغا ئەلچى كەلدى. بۇ ئەلچىنى كۆك بۆرە ئالىپ ئېلىزادەگ ئەۋەتكەنىدى. بەگىيۈسۈپ ئوبدان كۈتۈۋالدى، مەسلىھەتلىشىپ جاۋاب بېرىشنى ئېيتىپ، داستىخاننى ئېلىپ قالدى ۋە قىزتۇرمىشنى قىزىغا ئارىغا قويدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان بۈۋىئايىشە يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلدەك قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى، ئاندىن كۆل بويىدا ئوقيا ئېتىپ ئويناۋاتقان جانىبىدا غوجامنى چاقىرىپ:
— ئوغلۇم، ئاتاڭ جەڭدىن قايتىپ كېلىپتۇ، — دېۋىدى، گۆدەك خوش بولۇپ:
— ئاتام كېلىدىكەن … ئاتام كېلىدىكەن، — دەپ سەكرەپ كەتتى.
ئۇ بۇ ۋاقىتقىچە ئوغلىغا ئاتىسىنىڭ قازا بولغىنىنى دېمىگەنىدى. ئۇنىڭ «ئاتاڭ جەڭدىن قايتىپ كېلىپتۇ» دېگىنى رازىلىق بەرگىنى ئىدى …
توينىڭ ئۈچىنچى كۈنى بەگىيۈسۈپنىڭ ئۆيىگە يەنە ئەلچى كەلدى. بۇ ئەلچىنى سۇباشى ئالىپ ئورخۇنبەگ ئەۋەتكەنىدى.
قىزتۇرمىش ئايسىلىقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كەلگەن ئەلچىنىڭ مۇددىئاسىنى يەتكۈزدى.
— مۇشۇ يېشىمدا ياتلىق بولسام بالىلىرىم نېمە دەر؟ ئالىپ سانغۇنغا تەگمەن دەپ ئارزۇ قىلىپ، لاتىپۇرۇشنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانىدىم. نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي قىلىۋاتىمەن، ئۆكام. ئېنىم بەگىيۈسۈپ نېمە دېسە، مەن شۇنىڭغا ماقۇل، — دېدى ئۇ …
3
بۇۋىئايىشە، ئايسىلىقنىڭ تويى بولۇپ، بەگىيۈسۈپنىڭ كۆڭلى تىنغان بولسىمۇ، تېخى ئارامىغا چۈشمىگەن، سۆيۈنگەن بولسىمۇ، غەمدىن خالاس بولمىغانىدى. ئۇنىڭ غېمى ئەلەم ئىدى. قەشقەردە كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىشىدىن، قانلىق پاجىئە يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيتتى. تېخىچە خەۋەر كەلمەيۋاتاتتى. ئۇ بىر خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىگە شۇنچە تەقەززا ئىدى. كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە دىلداربەكەنمۇ ئورۇن تۇتقانىدى، ئۇنىڭ خەت يېزىشىنى ئۈمىد قىلاتتى…
يەر - جاھاننى يېشىللىققا پۈركەپ باھار ئۆتتى. ئىسسىق باغرىنى ئېچىپ ياز كەلدى. ياقۇپ بەگنىڭ ئانىسى ئايزادە تۈركەن خاتۇننى ئېلىپ غەزنەۋىگە كەتتى، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان، بەگىيۈسۈپلەر نۇرغۇن سوۋغا - سالام بىلەن ئۇزىتىپ قويدى.
بەگىيۈسۈپنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ۋاقتى زىچ بولسىمۇ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ تۇرۇشقا ۋاقىت ئاجرىتاتتى.
ئۇ ئايسىلىقنىڭ يېڭى ئائىلىسىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىنسابلىق ياخشى ئەركە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. ئورخۇنبەگنىڭ ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان بالىجانلىق ئادەم ئىككىنلىكىنى بىلدى. ئايسىلىقنىڭ بويانقاردىن بولغان ئىككى قىز، ئۈچ ئوغلىنى ئۆز باغرىغا ئېلىپ، ئۆز بالىلىرى بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىدىن سۆيۈندى. ئايسىلىقنىڭ چوكا بولۇپ قالغان قىزلىرىغا ئەلچى كېلىۋاتقىنىدىنمۇ ۋاقىپلاندى.
بەگىيۈسۈپ بۇۋىئايىشەنىڭ يېڭى ئائىلىسىگە بېرىپمۇ كۆيۈنۈشىدىن رازى بولۇپ قايتتى. كۆك بۆرە ئالىپ ئېلىزادەگ مەرھۇم سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوردا بېگى بەگتۇتۇقنىڭ كۆنجى
ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇغراخان مەدرىسىسىدە ئوقۇۋاتقاندا، بالاساغۇن دىيارىغا ئېلىكخان بولغان ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخاننىڭ كۆزى چۈشۈپ، ئوردىغا ئەكىلىۋالغانىدى. توغرائى دىۋاندا كاتىپ بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا، دەسلەپ ياشانغان ئايالى، ئاندىن ياش خوتۇنى تۇغۇتتا ۋاپات بولدى. بۇۋىئايشەنى ئەمرىگە ئالغاندا قىزى ئىككى ياشقىمۇ كىرمىگەنىدى. بۇ قىز ياش ئانىغا ئېچىركەپلا كەتتى. جانىبىدا غوجام:
— ئابا، بۇ قىز ئۇكامنى قاچان تۇغقان؟ ئەجەب مەن كۆرمەپتىمەن؟ — دەپ ئانىسىنى قىزغانغاندەك بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ كەتتى.
ئېلىزادەگ كۈچتۈڭگۈر، غەيرەتلىك يىگىت ئىدى. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان بىر يىللىق باج ھەم تارتۇقنى قەشقەرگە يولغا سالغاندا، شەھەر كۆرسۇن، دەپ ئۇنى قوشۇپ قويغانىدى. ئامەت ئۇنىڭغا يولدا كەلدى. بەدەئارت داۋىنىغا يېقىنلاشقاندا، قاراقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالدى. قوغلار ماڭغان سىپاھىلار قاراقچىلار بىلەن قاتتىق ئېلىشتى. قولىدا خەنجەرلا بار ئېلىزادەگ قاراقچىلارنىڭ سىپاھلارنى ئۆلتۈرۈپ، يارىلاندرۇپ، ئالتۇن - كۈمۈش، جاۋاھىراتلارنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېتىلىپ بارغىنىچە قاراقچىلار باشلىقىنىڭ ئالدىنى توسۇدى.
— يىگىت، كۆزۈڭنىڭ ئۇچۇق چېغىدا ئاستا كېتۋال، بولمىسا سەپەرداشلىرىڭدەك يەر چىشلەپ قالىسەن، — دەپ كۆزىگە ئىلىمىغان قاراقچىلار باشلىقى تەپمەكچى بولۇپ پۇتىنى كۆتۈرۈشىگە، ئېلىزادەگ خەنجەر ئۇرۇپ ئۇنىڭ قارنىنى چۆۋۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن قاراقچىلار ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. قاراقچىلار باشلىقىنىڭ قولىدىكى چويۇن چوماقنى تارتىۋالغان ئېلىزادەگ ئون نەچچە قاراقچىنى ئۇرۇپ يىقىتتى. قاچقان سىپاھلارنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، قاراقچىلارنىڭ بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماي تۇتۇپ باغلىۋەتتى. سىپاھلار ئۇنىڭ
جاسارەتكە قايىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن باج - سېلىق، تارتۇقلارنى قەشقەرگە ساق - سالامەت ئېلىپ بېرىپ خەزىنىگە تاپشۇردى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئەبۇ ھەسەن ئېلىخان ئېلىزادەكنىڭ قەلەم كۈچىدىن ئەلەم كۈچىنىڭ ئارتۇقلۇقىنى بىلىپ، ئۇنى ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ ھايل بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. بالاساغۇن، بارسخان، تالاس، سۇياب، قەشقەر يوللىرىدىكى كارۋانلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان قاراقچىلارنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى. ئېلىزادەگ باتۇرلۇقى، تەدبىرلىكلىكى بىلەن ئۇ يوللارنى قاراقچىلاردىن تازىلىدى. ئېلىخان ئۇنىڭغا كۆك بۆرە، ئالىپ ئۇنۋانىنى بېرىپ، ئوردا ياساۋۇللار ئەمىرلىكىگە بەلگىلىدى. بەگىيۈسۈپ بالاساغۇنغا كېلىش ئالدىدا، جاندارلار ئەمىرلىكىگە تەيىنلەنگەنىدى.
بەگىيۈسۈپ كېلىپ ھاجىپ بولغاندىن كېيىن، ئېلىزادەگ بىلەن تونۇشتى. خوش چاقچاق، جاسارەتلىك بۇ يىگىت ئۇنىڭغا يېقىپ قالدى. لېكىن، ئۇنىڭ كۈيئوغۇل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. بۇۋۇنايىشە، ئايسىلىغلارنىڭ تويى باشلىرىدىن نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن، نەچچە قېتىملىق پاجىئە، مۇسىبەتتىن كۆڭلى سۇنغان رەيھاندىنبەگ جەمەتىگە، بولۇپمۇ بەگىيۈسۈپكە خوشاللىق بېغىشلىغاندەك قىلاتتى. لېكىن، قەشقەردىن كەلگەن شۇم خەۋەر بۇ خۇرسەنچىلىكنى غەم - ئەندىشىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇ كۆڭۈلسىز خەۋەرنى ئەشكەنجى، چاپارمەن ياكى سودا كارۋىنى ئەمەس، بىر يوشۇرۇن ئايال ئېلىپ كەلگەنىدى.
بەگىيۈسۈپ چۈشتىن كېيىن «رەيھانىيە» مەدرىسىدىكى دەرىسنى ئۆتۈپ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ ئايال قىزتۇرمىشنىڭ باغ ئىچىدىكى خانىسىدا تاماقتىن يېۋاتاتتى. سەللە - يەكتىنى خاس مەھرەمگە بېرىپ، يۈز - قولىنى يۇغان بەگىيۈسۈپ خانىسىغا كىرىپ كىتاب ئوقۇشقا باشلىۋىدى، قىزتۇرمىش كىردى.
- ئوردۇكەنتتىن مېھمان كەلدى، ھاجىپ ئىنىم، - دېدى
ئۇ سالام بېرىپ، چىرايىدىن ئەجەبلىنىشنىڭ ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى.
— ئوردۇكەنتتىن؟ ھازىرلا چىقىپ كۆرۈشەي.
بەگىيۈسۈپ رەڭگارەڭ گۈل - گىياھلار ۋە مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇرغان باغنى ئارىلاپ كۆل بويىدىكى قىزىتمىشلار ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆيگە كىردى.
يىگىرمە يىللار بۇرۇن باغ ئىچىدىكى يېڭى ياسالغان بۇ ئۆيدە، ئاقبىلە بىلەن شېرىن توي كېچىسىنى ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئىسسىق كېلىپ مەيۈسلىنىپ قالدى. رەيھاندىنبەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەرھۇم ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ چىقىپ، بۇ ئۆينى ئۆزىنى بېقىپ قىلغان ئادار، قىزىتمىشلارغا بەرگەنىدى.
— ھاجىپ ئىنىم، مېھمان بۇ خانىدا.
بىر ئەر كىشىنىڭ كىرگىنىنى كۆرگەن ئايال رومىلىنى يۈزىگە تاشلاپ ئورنىدىن قوپتى ۋە ئېگىلىپ سالام بەردى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېنى ئولتۇرۇسلا، — دېدى ھەيران بولغان بەگىيۈسۈپ. ئىچىدە: «خوتۇن كىشى ئىكەنغۇ، ئەجەب…» دەپ ئويلىدى.
— جانابلىرى، ئۆزلىرى بۈگۈن بەلگە بەگىيۈسۈپ بولسىلا، ئوردۇكەنتتىن ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ بېرەي، — يوپۇن ئايال بىر لېپاپىنى ئۇزاتتى.
— رەھمەت، — بەگىيۈسۈپ لېپاپىنى ئېلىپ، شۇنداقلا بىر قاراپ، قويۇپ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.
— سىڭلىم، ئوردۇكەنتتىن قوزغۇردۇغا بىر ئۆزلىرى كەلدىلىمۇ؟
— شۇنداق جانابلىرى. ئۆزلىرىگە دىلدار ئاغىچا بېكەم ۋە توغقانلار كۆپ سالام ئېيتتى. يالغۇز يولغا چىققاقچە، ئۇلارنىڭ سوۋغىلىرىنى ئالماي، مەكتۇپنىلا ئېلىپ كەلدىم.
— بارىكاللا، بارىكاللا! — بەگىيۈسۈپ تەئەججۈپ ئىچىدە
سورىدى، — نېمە زۆرۈرىيەتتىن بۇ مەكتۇپنى سىلى ئېلىپ كەلدىلا، سىڭلىم؟
— تەقدىرنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دىلدار ئاغىچا مېنى يوشۇرۇن يولغا سېلىپ قويۇپ، ئوردىكىنەتتىن قۇتقۇزۇۋېلىپ كېلىۋالدىم. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن جانىجان ۋەتىنىمگە كېتىۋالماقچىمەن. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى يولۇمغا قاراپ يۈرەكلىرى پارە - پارە بولغان ئاتا - ئانام مېنى كۈتمەكتە …
— ياخشى تىلەكلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگىنى ئايىمايمەن، سىڭلىم. ئېيتسىلا، سىلىنىڭ ئۇ سۆيۈملۈك ۋەتىنلىرى دۇنيانىڭ قايسى تەرىپىدە؟ سىلى زادى كىم؟
— پېقىرە مۇ؟ — ئايال بىردىن رومالنى بېشىدىن ئېلىۋەتتى. بەگىيۈسۈپنىڭ كۆز ئالدىدا چاچلىرى قوڭۇر ۋە بۈدۈر، كۆزلىرىنىڭ ئېقى ۋە قارىسىدىن باشقا ھەممە يېرى قارا، چىرايلىق قارا تەنلىك ئايال نامايان بولدى. ئۇنىڭ بوي - بەستى كېلىشكەن، ناھايىتى خوش پىچىم ئىدى. تال - تال كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
— پېقىرە بىر بەختسىز ئايالمەن، — دېدى ئۇ ياغلىقى بىلەن كۆزلىرىگە يامراشقا باشلىغان ياشلىرىنى سۈرتۈپ، — ئۆيىمىز دېڭىز بويىدا ئىدى. ئاتام بېلىقچىلىق قىلاتتى، ئانام تور توقۇيتتى. بىز ئۇلاردىن ئۈچ قىز ئىدۇق، مەن كېنجىسى ئىدىم. ئون ياشلارغا كىرگەن چېغىم، دېڭىز بويىدا ئاكا-ئۇكام بىلەن قۇلۇلە قېپى تېرىۋاتاتتىم. قىرغاقتا توختىغان يەلكەنلىك كېمىدىن بىر توپ ئادەم چۈشۈپ، كېلىپلا مېنى، ئاكا-ئۇكامنى تۇتۇپ كېمىگە ئېلىپ چىقىپ، يىغا - زارىمىزغا قارىماي ئېلىپ كەتتى. «ئاتا … ئانا! … ئاكا! …» دەپ توۋلاپ ئۈنۈم پۈتۈپ كەتتى. بىر قاراقچى قولۇمنى باغلاپ، ئاغزىمغا لاتا كەپىلەپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتا - ئانامنى، ئاكا-ئۇكامنى كۆرمىدىم.
بايا كىرىپ ئونىڭ سۆزىگە سەما بولۇپ ئولتۇرغان قىزتورمۇشنىڭ كۆزلىرى نەملەندى. ئۇ: — ئوردۇكەنتكە قانداق كېلىپ قالغاندىڭىز؟ — دەپ سورىدى. — قاراقچىلار بىزنى مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋەتتى. مېنى ئالغان سودىگەر ئوردۇكەنتلىك ئىكەن. ئۇ مېنى يۇرتىغا ئېلىپ باردى. ئوردۇكەنتكە شۇنداق كېلىپ قالغانمەن، — قارا تەنلىك ئايال ئۇھ تارتىپ، خورسىنغان ھالدا سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئۇ سودىگەرنىڭ چىرايلىق بىر خوتۇنى بار ئىكەن. مېنى كۆرۈپ قورققان ھالدا ئېرىگە بىرنېمىلەرنى دەپ كەتتى. ئېرى ئونىڭ قاچتىنغى بىر تەستەك سېلىپ ئونى ئۆچۈردى. تىل بىلمىگىنىم ئۈچۈن گاس گاچىدەك بىرەر ئاي تېمىراپ يۈردۈم. كېيىن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئاڭقىرىۋېلىپ تىنىم تاپمايدىغان بولدۇم. غوجايىن خېنىم ماڭا ئامراقلىق قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئېرىمۇ ئۆزىچە كۈلۈمسىرەپ چاچلىرىمنى سىقىملاپ قوياتتى. ئىككى يىل ئۆتتى. ئۇلارنىڭ تىلىنى خېلى ئۆگىنىپ قالدىم. غوجايىن خېنىم بىلەن مۇڭدىشىدىغان بولدۇم. ئۇلار ئىسمىمنىڭ مايمۇنە، يۇرتۇمنىڭ شوردەريانىڭ ئۇ قېتىدا ئىكەنلىكىنى بىلىشتى. يەنە ئىككى يىل ئۆتتى. بويۇم ئۆسۈپ غوجايىن خېنىمدىن ئېگىز، زىلۋا بولۇپ كەتتىم. پۈتۈن ئۆي ئىشىنى بىر ئۆزۈم قىلىدىغان بولدۇم. غوجايىن خېنىم كېچىچە كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، يېتىپ، بوردىغان قويدەك سەمىرىپ كەتتى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن، ئەر خوتۇن ئىككىسى گەپ تەگىشىپ ئۇرۇشتى. تايانچ زەربىدىن مەڭزىلىرى كۆكەرگەن غوجايىن خېنىم بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ، توتۇۋالساممۇ ئۇنماي يامانلاپ ماڭدى. ۋاقىراپ جارقىراپ ئېرىمۇ چىقىپ كەتتى. مەن بۇ ئۆيدە يالغۇز قالغىنىمدىن ئەنسىزلىككە چۆشۈپ قالدىم. خېنىمنىڭ ئېرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ماڭا باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى. خېنىم ئۆيدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئونىڭ ماڭا
چىقالمىلاي يۈرگەنلىكىنى سەزەتتىم … — ئۇ بىردىنلا بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. بىرھازاردىن كېيىن يىغىدىن پەسلەپ، ئېسەدەپ — ئېسەدەپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — مەن شۇ كېچىسى خورلاندىم … پاك تېنىم بۇلغاندى … ئەمدى مېنىڭ ئۇنىڭغا كېرىكىم قالمىغانىدى. ئەتىسى ئۇ مېنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ ئەگەشتۈرۈپ قۇل بازىرىغا ئېلىپ ماڭدى … — توختاڭ سىڭلىم، ئۇ قارا كۆڭۈل لاتىپۇرۇشنىڭ ئىسمى نېمە ئىكەن؟ — سورىدى بەگىيۈسۈپ. — بەگتاش جېلىل، جانابلىرى. — بەگتاش جېلىل، — بەگىيۈسۈپ پەرىزىنىڭ توغرا چىققانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. «بەگتاش جېلىلنىڭ ئىنىسى ئىكەن — دە. ئۇ شۇنچە مۇلايىم، تەقۋادار ئادەمدەك قىلاتتى. تازا شەھۋەتخور كاززاپ ئىكەن — دە. «ھايۋاننىڭ مۈڭگۈزى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئىچىدە، دېگەن شۇ — دە» دەپ ئويلاپ ئېغىر تىندى. مايمۇنە يىغلامسىراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: — خۇدايىم قۇللۇقنى ھېچ بەندىگە نېسىپ قىلمىسۇن، بۈگۈنكىدەك جانابلىرى، قۇل بازىرىدا قىسما — قىسما ئادەملەر كېلىپ مېنى كۆردى. ئۆيەر — بۇيىرىمنى تۇتۇپ باقتى. ھېچقايسىسى باھايىمغا چىقمىدى. پېشىنندىن كېيىن باداك قورساق، ھاپ قوۋۇز، پاكار، كوسا ئادەم كېلىپ باشتىن — ئايىغىمغا سەپسالدى. ساغرامنى سىلاپ، كۆكسۈمنى تۇتۇپ، ماڭدۇرۇپ، سۆزلىتىپ باقتى. شۇنداق خورلۇق ھېس قىلدىمكى، ئۆز تىلىمدا «مەن غۇرۇرلۇق، نومۇسلۇق ئايال. ھاۋائانام زاتىدىنمەن. ئات — ئېشەك ئەمەسمەن، ماڭا بۇنداق نامۇناسىپ مۇئامىلىدە بولماڭلار» دەپ يىغلاپ كەتتىم. ھېلىقى باداك قورساق تېلىقىپ كۈلدى. بۇ سالاپەتلىك ئەمەلدارنىڭ كاززاپ سودىگەردىن نەچچە ھەسسە نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئۆزاق ئۆتمەيلا بىلدىم، بۈگۈنكىدەك ھەزرەتلىرى، — مايمۇنە ئۆنىدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرىنى، دىلداربەكەكنىڭ يېنىغا
قانداق قېچىپ بارغانلىقىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىپ، — ئوردۇكەنت بۇغراخان ئوردىسىدا يۈز بەرگەن پاجىئە مەكتۇپكە پۈتۈكلۈك، ئوقۇپ كۆرگەن بولسىلا، — دەپ گەپنى تۈگەتتى.
4
نامازشامنى ئوقۇپ كىرگەن بەگىئۇسۇپ بېگىسۇپ ئۆز خانىسىغا كىردى. يېزىق ئۈستىلىدىكى شام چىراغنى يورۇتتى. ئۇ شام نامىزىغا ئالدىراپ قېلىپ ئوقۇيالمىغاچقا، مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن واقفلىنىشقا شۇنچە تەقەززا ئىدى. لىپاپىدىن ئايرىم - ئايرىم قاتلانغان ئۈچ پارچە خەتنى ئالدى. بىرى بەگتاش جالالىددىننىڭ، بىرى دىلداربىكەنىڭ بولۇپ، يەنە بىرى نامسىز خەت ئىدى. بەگىئۇسۇپ ئاۋۋال دىلداربىكەنىڭ خېتىنى ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
جانابىي ھۆرمەتلىك، سەۋرلىك ئەل ئاتىسى بۈگۈ بەگكە بەگىئۇسۇپ ھەزرەتلىرى، ئۆزلىرىگە ۋە ئۆزلىرى ئارقىلىق بالاساغۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانىغا و بارلىق قەۋم - قېرىنداشلىرىمىزغا:
كامالىي ئېھتىرام ئىلكە يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بۇ نالايىق مەكتۇپىم بىلەن دەھشەتلىك شۇم خەۋەر يەتكۈزگەنلىكىمدىن ناھايىتى - ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن. تەقدىر - قىسمەت شۇنداق بولغاچقا، ئونىڭدىن ئېغىز ئاچماي ئامالىم يوق. ئاۋۋال ئوردا دىۋانىنىڭ جاكارىنى ئۆز پېتى بىلەن يەتكۈزمەكچىمەن. بۇ جاكار ئالايىتەن خۇش خەت بىلەن يېزىلىپ كوچا - بازارلارغا چاپلاندى. جاكارچى شەھەر ئايلىنىپ ئاۋامغا يەتكۈزگەن پەرمانى ئالىينىڭ مەزمۇنى ئوشبۇدۇر: <ئەييۇھەنناس! ئىشتىڭلار ئامۇخاس!
بىلمىگەنلەر بىلىڭلار، ئۇقمىغانلار ئۇقۇڭلار! بۇغرا قاراخان مۇھەممەد ئارسلانخان ۋەلىئەھەد ھۈسەيىن ئارسلانخان ئالىيلىرى بىلەن بىللە تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قەستكە ئۇچراپ قازا بولدۇلار. ئەلىنىڭ پاراسەتلىك غەمكارى، بۇغراخانلار جەمەتىنىڭ گۇلتامچى ئالىپ ئىبراھىم تېگىن ئالىيلىرى شائىرانە ۋە كۆڭۈللۈك ئاتا، ئاكىسىنى غەرەزلىك قەستلەپ ئۆلتۈرگەن جەۋلانبەگ، قولۇنبەگ، تۇردۇش ئاخۇن بارچۇقى، ئابدۇلقاھار ھەببى قاتارلىق ئاسىيلارنى شۇ مەھەل تۇتۇپ كاللىسىنى ئالدىلەر! بۇغرا قاراخانغا، بۇغراخان جەمەتىگە سادىق يۇغرۇش، ھاجىپ باشلاردىن قەيسەربەگ، دوقابەگ، مۆگسۈزبەگ، ھوشۇربەگ قاتارلىق دانالار، ئالىپ ئىبراھىم ئارسلانخان ئالىيلىرىغا ساداقەت بىلدۈرۈپ، سۆيۈنۈشچىلەر بىلەن جان تىكىپ ئېلىشتىلەر!
خۇلاسە كالام، سۆيۈنۈشچى ئاسىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدى. توغرائى دىۋانى، دىۋانى ئارىز، ئوردا دىۋانى بۇغراخان جەمەتىنىڭ مۆتىۋەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ئالىپ ئىبراھىم تېگىننى ئارسلانخان نامى مۇبارەك بىلەن قۇتلۇقلاپ بۇغرا تۆگىگە مىندۈرۈپ، بۇغراخانلىق تەختكە چىقاردىلەر. ئېگىز ھارۋىلىق، يىگىرمە تۆت ئۇرۇق، ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز بولۇپ ئۇيۇشقان ئەھلى ۋەەتەن بۇغراخان ئىبراھىم ئارسلانخان ئالىيلىرىغا ساداقەتنامە تاپشۇرۇشلىرى زۆرۈردۇر!
ئوردۇكەنت ئەھلى بۇغراخان ئىبراھىم ئارسلانخان ئالىيلىرىغا پەرمانبەردار بولۇڭلار.
ۋاللاھۇئەئلەم بىسساۋاب.
ھىجرىيە 450 - يىلى رەبىيەلئاخىرنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى①.
① 1058 - يىلى 3 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
بۆگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ ھەزرەتلىرى، پەرمانى ئالىي ئەنە شۇنداق يېزىلىپ، ئەنە شۇنداق جاكارلاندى. ئۇشتۇمتۇت سادىر بولغان بۇ قانلىق ئۆزگىرىشتىن ئوردىكەنت ئەھلى قاتتىق چۆچۈگەن، قورققان بولسا كېرەك، نەچچە كۈنگىچە كوچا بازارغا ھېچ كىم چىقمىدى. دۇكانلار ئېچىلمىدى. ھەممە ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندەك شەھەر ئەزىم تىمتاس بولۇپ قالدى. يېقىن ئېنىق بىر خەۋەر ئاڭلاش ئۈچۈن، ئاكام بەگتاش خېلىلنى مەھمۇد تېگىن ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە «ساچىيە» مەدرىسىگە ئەۋەتكەندىم، كۆرۈشەلمەپتۇ. ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى زادى بىلەلمىدۇق. ئىبراھىم تېگىن تەختتە ئولتۇرغان كۈندىن باشلاپ، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەرەپدارى، بەگىيۈسۈپنىڭ قوللىغۇچىسى دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلار ناھايىتى كۆپ. بۆگۈ بىلگە مۇدەررىسلەردىن، تالىپلاردىن تۇتقۇن قىلىنغانلارمۇ ئاز ئەمەس. چوڭ ئاكام بەگتاش خېلىل يوشۇرۇنۇۋالدى. كىچىك ئاكام بەگتاش جېلىل ھازىر چاكتەنده. ئاتام كېسەل، داۋالىنىۋاتىمەن. تارقالغان گەپلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەد ئارسلانخان بىلەن ھۈسەيىن ئارسلانخان قەستكە ئۇچرىغان كۈنى ئوردىدا كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان. ئەھۋال ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھەم قورقۇنچلۇق. تەرەپ - تەرەپكە ماڭىدىغان كارۋانلارمۇ توختاپ قويدى. خەتەر بېشىمىز ئۈستىدە ھۆۆقۈشتەك ھۆۆلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەكتۇپنى ئاكام بەگتاش خېلىلدىن ياكى كارۋاندىكى ئىشەنچلىك بىرەيلەندىن ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتتۇق. ئۆيۈمدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان قاراتېلىك قىز، مەن ئېلىپ باراي، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇ ئىشەنچلىك ھەم يۈرەكلىك بولغاچقا، مەكتۇپنى ئۇنىڭدىن ئەۋەتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بىرنەچچە كىشىنى ھەمراھ قىلىپ بېرەيلى دېسەكۇ، يالغۇز ئېلىپ بارىمەن، قوزىغوردۇغا سالامەت يېتىپ بېرىشىمغا ئىشەنچىم كامىل، دەپ بىزنى قايىل قىلدى. قالغان گەپنى مايمۇنەدىن ئاڭلىغايلا. ئۇنىڭ يۇرتىغا كېتىۋېلىشى
ئۈچۈن خالىس ياردەمدە بولۇشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇم خەۋەر بىلەن مالال قىلىپ قويغان بولساق ئەپۇ قىلغايلا. خۇش خەۋەر بىلەن مەمنۇن قىلىدىغان كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ئۈمىدۋارمىز. ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
ئاۋامنىڭ دۇئاسى - تەلەپىدە بولغۇچى يېقىرەدىن ھىجرىيە 450 - يىلى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 27 - كۈنى①، ئوردۇكەنت»
بېگىيۈسۈپ خەتنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى.
«قارا كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا مۆرچىلەر② نىڭ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ - بىلىپ تۇرغۇچى تەڭرىم. ئوردۇكەنتتە يۈز بەرگەن پاجىئەدىكى ھېكمەت نېمە؟ بەندىلىرىڭنى بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلىپ، دۇنيادىكى نېمەتلىرىڭدىن ھۇزۇر - ھالاۋەت كۆرۈش ئۈچۈن ياراتقانسەن ياكى بىر - بىرى بىلەن ئۆچلىشىپ، قان تۆكۈش ئۈچۈن ياراتقانمۇسەن؟ نېمىشقا سەن يۇقىرى مەرتىۋە، كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە قىلغان پادشاھلار ئادالەت بىلەن ئەلنى روناق تاپتۇرماي، بىر - بىرىنىڭ پېيىنى قىرقىش كويىدا بولىدۇ؟ بىر ئۆزۈڭگە سېغىنىپ سەجدە قىلغان، شۈكۈر قىلغان بەندىلىرىڭ نېمە ئۈچۈن خورلۇق - كۈلپەتتىن قۇتۇلالمايدۇ؟ … نېمىشقا … نېمىشقا؟ …» دەپ چاچراپ تۇرغان بېگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ يىغلاپ كەتتى.
قەشقەردە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئوردا پاجىئەسى قاراخانىيلار جەمەتىنىلا پاجىئەسى بولۇپ قالماي، روناق تاپقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاجىئەسى ئىدى. بېگىيۈسۈپ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەرياد چېكىپ يىغلىدى.
بۇ پاجىئەنى ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ئىنسابتىن چىققان، قىساس ئېلىش كويىدا رەھىمسىزلىك قىلغان بىر قارا يۈرەك خوتۇن كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. شەھۋانىي ھەۋەسكە بېرىلىپ
① مىلادىيە 1058 - يىلى 4 - ، 5 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ. ② مۆرچىلەر — چۆمۈلىلەر.
پەزىلىتىنى يوقاتقان، ناز - كەرەشمىگە ئالدىنىپ دۈشمەننى دوست تۇتقان بىر پادىشاھ ئۇنىڭغا يول قويغانىدى.
«مۇھەممەد ئارسلانخان ئاكىسىدىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانىدى. قۇماربېكە خاقان ئېرىنى ھەم ۋەلىئەھدىنى ئۆلتۈرۈپ، تەختتە ئۆز ئوغلىنى ئولتۇرغۇزۇپتۇ. قىساسنى ئەبو ھەسەن ئارسلانخاننىڭ قولى بىلەن ئالماي، بىر قارا نىيەت سۈيقەستچىنىڭ قولى بىلەن ئېلىشتا، تەڭرى بەندىلىرىگە قانداق ھەقىقەتنى ئاشكارىلىماقچىدۇ ۋە نېمىنى ئىبرەت قىلماقچىدۇ؟»
بەگىيۈسۈپنىڭ كۆز ئالدىغا بوزاغۇنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن چىقىرىپ، ئوردىغا ئېلىپ بارغان دەمدىكى مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ تەختتە مەغرۇر ئولتۇرغان قىياپىتى كەلدى. «ياش ۋاقتىدا پۈتۈن كۈچ - غەيرىتى بىلەن قاراخانىيلار ئېلىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان، ئالىپ ياغان تېگىن دەپ ئاتالغان قورقۇمسىز سەركەردە ئىدى. بارسخان دىيارىغا ئېلىكخان بولغاندا چامدا - تەدبىرلىك ئەل بېشى ئىكەنلىكى نامايان بولغانىدى. ئەپسۇس، قۇماربېكەگە ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتى، زورۇۋان تەلۋە شاھقا ئايلىنىپ قالدى…»
بەگىيۈسۈپ ھۈسەيىن ئارسلانخاننى سېغىنىپ ئۇھسىنىپ ئەسلىدى. «ئۇ مەھمۇد تېگىندەك بۈگۈنكىدەك بىلىمنىڭ ئاتىسى ئىدى. تەڭرى ئۇنىڭغا يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىپلا قالماي، ئائىلە بەختىگە مۇيەسسەر قىلغانىدى. ئۇنىڭدەك ئەلگە غەمخان ئەل بېگىنى ئەمدى قايدىن تاپقۇلۇق؟…»
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملىغان ياش مەڭزىدىن سىرغىپ، ساقاللىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى، بۇغرا قاراخان بىلەن ۋەلىئەھدىگە قەست قىلغان، دەپ قارىلىنىپ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئەسلەپ چىدىيالماي قالدى. «جەۋلانبەگ قاراخانىيلار مەملىكىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئالىپ سانغۇن ئىدى، ئۈچتا مۇھەممەد
ئارسلانخان بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئەل بولۇپ، ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ ئەمىرلىكىگە تەيىنلەنگەنىدى. قولۇنبەگ ساداقەتمەن، ئاق كۆڭۈل قاپۇقچى بېشى ئىدى، ئۇ بوزاغۇنىڭ سۈيىقەستىدىن مۇھەممەد ئارسلانخاننى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى مەھمۇد تېگىنكە ئېيتىپ بەرگەنكەن. تۇردۇش ئاخۇن بارچۇقى توغرائى دىۋان بېشى ئىدى، خۇش خەتكە ماھىر، ھازىر جاۋاب بوغۇغ بولۇپ، ئوردىدىكى پىتنە - پاساتلارغا ئارىلاشمايتتى، كەمبەر، سەمىمىي ئىدى. ئابدۇلقاھار ھەبىبى ئادالەتپەرۋەر، كەسكىن پىكىرلىك دانا يوغروش ئىدى. ئادەرىخ - ئادەرىخ! قۇماربەككە قارام، تەلۋە ئوغلىنى تەختكە چىقىرىش ئۈچۈن، شۇنداق كاتتا ئەل باشلىرىنى ناھەق ئۆلتۈرۈپتۇ، ئادەرىخ - ئادەرىخ! …»
بەگىيۈسۈپنىڭ كۆز ئالدىغا بوزاغۇ كەلدى. ھەمىشە ھىجىيىپ تۇرىدىغان پاكار، ھاپ قوۋۇز بۇ ئادەمنىڭ چىقىر كۆزلىرىدىن ھارامزادىلىك چىقىپ تۇراتتى. «جان ساقلاشقا نېمىدەپكەن ئۇستا - ھە، تەڭرىدىن باشقا ھېچكىمگە باش ئەگمەيدىغان بۇغرا قاراخاننىمۇ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈپ تەختتىن، جېنىدىن ئايرىدى. دوقاقبەگ ئۇنىڭ ئۇستازى، مەسلىھەتچىسى. سۈيىقەستنى قۇماربەك بىلەن بۇ ئىككىسى پىلانلىغان …»
قان ئىچەر جاللات مۆگۈزۈننىڭ ياۋۇز قىياپىتى بەگىيۈسۈپنىڭ خىيال ئېكرانىدا پەيدا بولۇپ، سەسكىنىپ كەتتى. «ئۇ مەلئۇن يەنە قانچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدىكىن؟ … ھوشۇربەگ سۇلايمان ئارسلانخانغا ئاسىيلىق قىلىپ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ لەشكەرلىرىگە دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قىرىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان مەلئۇن! بوزاغۇ سۈيىقەستنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، بۇ ئىككى خۇنخوردىن پايدىلانغان. ئۇلار مەھمۇد تېگىنكە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ قويغان بولسا … ياق - ياق! مەھمۇد تېگىنكە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللا ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ …»
بەگىيۈسۈپ ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا دەھلىزە تۆۋىدىن ئىشىك يېنىغا، ئىشىكتىن يېزىق ئۈستىلى ئالدىغا بىر قانچە قېتىم باردى. ئۇ تۇرۇپ قېلىپ ئۆيىنىڭ ئوڭ تەرەپ تېمىدىكى ئويۇققا تىكىلدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا مەھمۇد تېگىن كىرىۋالغانىدى. ئويۇقتىن بۆرە تېرىسىدە تىكىلگەن بىر جىلتنى ئالدى. جىلت ئىچىدە مەھمۇد تېگىن يوللۇق تۇتقان بىر كىتاب بار ئىدى. قەشقەردىن كەلگەندىن بېرى، مەھمۇد تېگىن ئېسىگە كەلسىلا بۇ كىتابنى ئېلىپ ئوقۇيتتى، ئوقۇپ روھلىناتتى. مۇشۇ دەممۇ جىلتتىن كىتابنى ئېلىپ، بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاندەك قاراپ كەتتى. ناھايىتى چىرايلىق، نەپىس شىرازلانغان كىتاب مۇقاۋىسىغا ئاجايىپ كۆركەم نەقىشلەر چېكىلگەنىدى. «مەھمۇد كاشغەرىي» دېگەن نام مۇقاۋىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە ھەل بىلەن يېزىلغانىدى. ئۇنىڭغا ھۆرمەت ئېلكىدە تىكىلگەن بەگىيۈسۈپنىڭ ھاياجانلانغىنىدىن بەدىنى تىترەپ كەتتى. «ناھايەتكى، بۇ ئۇلۇغ بوغۇچ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسا - ھە! ياق - ياق! جاناۋى ئاللا ئالىم بەندىسىنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ.» ئۇ بۇ سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى. كىتابنى جىلتىغا سېلىپ، يەنە ئويۇق ئۈستىگە قويۇپ، ئىككىنچى خەتنى ئاچتى. بۇنى بەگتاش جالالىدىن يازغانىدى. خەتتە: بۇ قېتىمقى ئوردا ئۆزگىرىشىدىن تولىمۇ خاتىرجەمسىزلەنگىنىنى، ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن بېرى سودا ئىشلىرىنى چوڭ ئوغلى بەگتاش خېلىل باشقۇرۇۋاتقىنىنى، كىچىك ئوغلى بەگتاش جېلىلنىڭ تىجارەت ئۈچۈن چاڭئەن دىيارىغا كەتكەنلىكىنى، ئىبراھىم تېگىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغىنىنى، قىزى دىلداربىكەنىڭ داۋالاۋاتقىنىنى، ئوردۇكەنتتىكى بۈگۈنكى بەگ، ئاقىللارنىڭ بەگىيۈسۈپنى ئەسلەپ سېغىنىدىغانلىقىنى، دىدار كۆرۈشۈش ئۈستىدە ياشاۋاتقىنىنى ئىزھار قىلغانىدى.
«قارىغاندا دىلداربىكە بەگتاش جېلىلنىڭ يوشۇرۇنۇپ جان ساقلاۋاتقانلىقىنى ئاتىسىغا ئېيتمىغان ئوخشايدۇ. بەگتاش جېلىل تىجارەت ئۈچۈن يىراققا كېتىپتۇ. ئاكىسى ئونىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردارمىدۇ؟ مايمۇنەنىڭ گېپىگە قارىغاندا، ئۇ شەھۋەتخور ئوخشايدۇ. شەھۋەتخور ئادەم پۇلغا ھېرس كېلىدۇ، پۇلغا ھېرس ئادەم كاززاپ بولىدۇ، ئالدامچىلىق، كۆز بوياچىلىق، ھىيلە مىكىر بىلەن كىشىلەرنىڭ مېلىغا، پۇلغا قارا سانشايدۇ، خىيانەت قىلىدۇ. بەگتاش جېلىل ئونداق قارا يۈزلەردىن بولمىغاي … بەگىيۈسۈپ ئويلاپ ئۈچىنچى خەتنى ئاچتى. خەت ئۈچ قۇرلا يېزىلغانىدى:
«ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەگىيۈسۈپ. توپان بالاسىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن، بۇ ئەنسىز كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىلىگە سالامەتلىك، چىدام، غەيرەت تىلەيمەن.»
بۇ ئۈچ جۈملە سۆزدە كۆپ مەنا بار ئىدى. بەگىيۈسۈپ ئىختىيارسىز ئاسمانغا قاراپ، دىلداربىكە سوۋغا قىلغان تون ۋە بادام دوپپىنى كۆردى … — ئاتا، ئۆيدە بار ئىكەنلا! بۇۋىئايىشەنىڭ ئۈنىنى ئېشىتكەن بەگىيۈسۈپ ئۆزلىكسىزلانغاندەك بولۇپ: — بالام، كەلدىڭمۇ؟ — دەپ ئېغىر تىندى، ئاۋازى ناھايىتى ھەسرەتلىك چىقتى. — قىزىلتۇرمۇش ئاچام بالا ئېمىتىپتىكەن، ئوردۇكەنتتىن مېھمان كەلگەنلىنى بىلىپ كېلىپتىم، ئاتا. باياتىن ئۇ مېھماننىڭ قېشىدا ئىدىم، كىرىپ قالارمىكىن دەپ ساقلىسام كىرمىدىلا. — مەكتۈپنى ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ چىقالمىدىم. ئوردۇكەنتتە يۈز بەرگەن پاجىئەدىن خەۋەر تېپىپتىلا دە، بالام؟
— ھەئە، ئاتا. كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ يېنىڭلارغا كىرىشىم، ساق تۇرغانىلا؟
بەگىيۈسۈپ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ باققان بۇۋىئايىشەنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق يوقىلىپ، مەڭزىنىڭ قىزىرىپ قالغىنىغا زېھن سالدى.
— ئەلھەمدۇلىللا، بالام. ئۆزلىرىمۇ ئوبدان تۇرۇۋاتقانىلا؟
— ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن، ئاتا. بوۋام — مومايلارنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىپ تۇردۇم، ئۇلار سىلىنىڭ يوقلاپ تۇرغانلىرىدىن ناھايىتى خۇرسەن. بىر ھەپتە بولدى ئۇكامنى كۆرمىدىم، بىزنىڭ ئۆيگە پەقەت بارمىدى. ئاچامنىڭ كۆرگۈسى كەپتۇ، بېرىپ تۇرغىن دەپ قويدىلا، ئاتا.
— ئۇ بالا ئۆگىنىشكە بەك بېرىلىپ كەتتى، شىكارغىمۇ چىقمايدۇ، دەم ئالىمۇ دېمەيدۇ.
— ئۆيلەپ قويساق باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولاتتى، ئاتا.
— ئوغلىمنىڭ تويىنى قىلىدىغان مەزگىلنىڭ كېلىپ قالغىنى راست، قىزىم. بىراق، بۇ بىئارامچىلىقتا تويغا قوپالمايمىز، يەنە تەخىر قىلىپ تۇرايلى.
بۇۋىئايىشە مەيۈسلىنىپ قالغان ئاتىسىنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇنىڭ مۇددۇئاسىغا قوشۇلدى.
— نېمىشقا ئۆرە تۇردىلا، ئاتا. ئولتۇرۇسلا، — دېدى ئۇ يىپەكەنداز ئۈستىگە ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ.
— ئەس — يادىم ئوردۇكەنتتە بولۇپ قالدى، بالام. مەھمۇد كاشغەرىيدىن ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن، — بەگىيۈسۈپ ئولتۇردى. قەلەم قاشلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بۇۋىئايىشە:
— مەھمۇد كاشغەرىي كىم، ئاتا؟ سىلىنىڭ ئۇستازلىرىمۇ؟ — دەپ سورىدى ئولتۇرۇپ.
— ھەم ئۇستازىم، ھەم دوستۇم، بالام. ئۇنى سىلى تونۇيدىلا، مەھمۇد تېگىن مەھمۇد كاشغەرىي بولىدۇ.
— مەھمۇد تېگىن؟ ھە، ئېسىمگە كەلدى. بىز سىلىنى يوقلاپ زىندانغا بارغاندا، ئالدىمىزغا كېلىپ تونۇشلۇق بېرىپ ھال سورىغانىدى. نېمىشقا ئۇ شاھزادىنى مەھمۇد كاشغەرىي دەيدىلا ئاتا؟
— مەھمۇد تېگىن بىر ئۇلۇغ بۈگۈ بىلگە، بالام. قەشقەرلىك بولغىنى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان. مانا بۇ كىتاب ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا سوۋغا قىلغان ئۆلمەس ئەسىرى، — بەگىيۈسۈپ كىتابنى ئېچىپ قىزىغا بەردى. بۇۋىئايشە كىتابنى ئىككى قوللاپ ئېلىپ، «مەھمۇد كاشغەرىي» دېگەن نامنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
— بۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك، ئاتا.
— توغرا دەيسىز، بالام. بۇ كىتابتا ئانا تىلىمىزنىڭ قائىدە-قانونىيەتلىرى، گۈزەللىكى، مەنىلىكلىكى شەربەتلىكەنگەن. مەھمۇد كاشغەرىي بىزنىڭ تىلىمىزنى بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىغا تونۇتتى. تىل مىللەتنىڭ جېنى، بالام. تىلدىن ئايرىلغان مىللەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ. ھەممە نېمىسىنى يوقاتقان تەقدىردىمۇ، تىلىدىنلا ئايرىلمىسا، ئۇ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. ئەھلى ئىلىم ۋە ئاۋام ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى كەمستىندۈرۈپ، ئەرەب-پارس تىلىنى ئۈستۈن بىلگەنلىكىگە قارىتا، بۇ كىتاب كۈچلۈك رەددىيە بولۇپلا قالماي، بەلكى ھېكمەتۇل ئەلادۇر. ئوقۇپ چىقسىلا بالام. ئانا تىل ئىنسانغا قانات. قۇش پەيگە تايىنىپ ئۇچسا، ئاقىللار تىلغا تايىنىپ پەرۋاز قىلىدۇ. كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن باشقىچە روھلىنىپ كېتىدىلا.
بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزلىرى بۇ چاغقىچە ئانا تىل ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان بۇۋىئايشەگە كۈچلۈك تەسىر قىلدى.
— ئاتا، يېقىنقى ئانا تىلىنىڭ ئىنسان ھاياتىدا مۇنداق مۇھىملىقى توغرىسىدىكى گەپنى سىلىدىن تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ، ئۆزۈمنىڭ بەكمۇ بىلىمسىزلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. بۈگۈ
بىلگە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇپ كېسەللەرگە مەنىۋى جەھەتتىنمۇ شىپالىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، — بۇۋىئايىشە بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ دېدى، — مۇبادا جەڭ بولۇپ قالسا، مەن جەڭگاھقا بېرىپ يارىدارلارنى داۋالايمەن. — بۇ دەمگىچە جەڭگاھقا بېرىپ زەخمىلەنگەنلەرنى داۋالىغان ئايال ئاتاساغۇن چىقمىغان، بالام. ئەمدى جەھەتتىن خالىي بولغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ناۋادا ئالىپ ئېلىزادەبەك قوشۇلسىلا، جەڭگاھقا بېرىشلىرىنى توسۇمايمەن، قىزىم. — قوشۇلىدۇ، — بۇۋىئايىشە ئاتىسىنىڭ ياداڭغۇ چېھرىدىكى قورۇقلارغا زېھن قويۇپ ئۆكسۈپ يىغلىدى. بەگىيۈسۈپ غەمگە پاتقان قىزىنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشەندى. «قېيىنئاتىسى ھەم ئېرىنىڭ جەڭدە قازا قىلغىنىنى ئۇ قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتەلىسۇن؟! شۇڭا، جەڭگە بېرىشقا ئىرادە باغلاپتۇ…» دەپ ئويلىغان بەگىيۈسۈپ قولى بىلەن قىزىنىڭ يېشىنى ئېرتتى: — جەڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس، بالام. جەڭ بولۇپلا قالسا قان تۆكۈلىدۇ، ۋەيرانچىلىق بولىدۇ. ئەمما، ھەقىقانىيەتنى قوغداش، ئەلگە ئامانلىق بېغىشلاش، زۇلۇم — زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جەڭ قىلىش زۆرۈر، ئەلۋەتتە. — ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخانغا شۇنداق مەسلىھەت بېرىمدىلا، ئاتا؟ — ئىبراھىم تېگىن ياخشىلىقچە تەختنى بوشاتماي، ئاساسىي سويلۇق-نەسەبلىرىنى داۋاملىق قانلىق ئاستىغا ئالسا، شۇ مەسلىھەتنى بەرمەي ئىلاجىم يوق، بالام. ئاتا — بالا خېلى ۋاقىتقىچە مۇڭدىشىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭغىچە ئېلىزادەبەك كېلىپ قالدى ۋە قېيىنئاتىسى بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇۋىئايىشىنى ئېلىپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ يەنە خېلى ۋاقىتقىچە كىتاب ئوقۇپ ئولتۇردى. ئەتەيسى ئەتەنگەندە مايمۇنەنىڭ يېنىغا كىردى.
— سىڭلىم، مەكتۇپىڭىز مەزمۇنىدىن ۋاقىپلاندىم. سىلى ناھايىتى جاسارەتلىك ئىكەنلا. قانداق تەلەپ — ئارزۇلىرى بولسا تارتىنماي ئېيتسىلا، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردىمىمىزنى ئايىمايمىز، — دېدى.
مايمۇنە تارتىنىپ تۇرمايلا ئۈچۈقۇنى ئېيتتى:
— پېقىرنىڭ بىرلا ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئانا ۋەتەنگە تېزرەك يېتىپ بېرىش. دىلدار ئاغىچا بېكەمدىن تومۇر تۇتۇشنى، كېسەل داۋالاشنى، دورا تەييارلاشنى بىرئاز ئۆگەنگەندىم. يۇرتۇمغا بارغاندىن كېيىن داۋالاش بىلەن شۇغۇللانماقچىمەن. بىزنىڭ يۇرتتا ئايال ئاتاساغۇن يوق، مەن بۇ خاسىيەتلىك كەسىپكە قىزىقىپ قالدىم.
— ياخشى ئويلاپلا، سىڭلىم. ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا يولغا سېلىپ قويىمىز. بۇ يەردىن دائىم باغدات، مىسىرغا كارۋان مېڭىپ تۇرىدۇ. غەم قىلمىغايلا. لېكىن، قۇزغۇندۇدا كۆپرەك تۇرۇشلىرىنى، ياخشى ئارام ئېلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
— بۈگۈن بىلگە جاناپلىرى، دىلدار ئاغىچا بېكەم تەرىپلىرىنى قىلغاندەك ناھايىتى كەمەتەر ئىكەنلا، — دېدى كۆزلىرىگە ياش ئالغان مايمۇنە، — ئۇزاقراق تۇرۇپ خىزمەتلىرىدە بولسام ياخشى بولاتتى. ئەمما، ئاتا — ئانام مېنى زارىقىپ كۈتمەكتە …
— بولىدۇ، سىڭلىم، ھېلى قىزىم كېلىپ سىلىگە ھەمراھ بولىدۇ. مەن ئورداغا باراي، — بەگىئۆسۈپ خوشلىشىپ ھويلىغا چىقىشىغا، مۇلازىم يىگىت سۇلتانبەگ ئاتنى ئېلىپ كەلدى …
ئون ئىككىنچى باب: خانىش قىلىچخان
1
سۇلتانبەگ — ئاشانبۇقانىڭ كىچىك بالىسى بولۇپ، ئون تۆت يېشىدا ئۆيلەنگەنىدى. بەگىيۈسۈپ قەشقەردىن كېلىپ ئەتەسى، ئۇنىڭ ئالدىغا بۇ ئوغلىنى ئېلىپ كىرگەن بوۋاي:
— بۈگۈن بەگكە غوجام، ئاللا مېنى ئون ئىككى ئوغۇلنىڭ ئاتىسى بولۇشۇمغا نېسىپ قىلغان. ئىككىسى ئادار باينىڭ تىللا سارىيىدا تىجارەت قىلىدۇ. تۆتى ئېلىكخان ئالىيلىرىغا نۆكەر، ياساۋۇل. بىرسى خەتتات، بىرسى نەققاش، ئىككىسى قىلىچ، قالقان، نەيزە سوقىدىغان تۆمۈرچى بولدى. كىچىكى ئىلىمگە ھېرىس چىقتى. «رەيھانىيە» مەدرىسىدە ئوقۇشنى تاماملىدى. تىلىكىمىزگە يارىشا ئۆزلىرى ئوردۇكەنتتىن كېلىپ قالدىلا. خىزمەتلىرىنى بەجا كەلتۈرگەچ، پەزىلەت ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگىنىپ ئادەم بولسۇن دەپ، بۇ بوغرامنى ئېلىپ كەلدىم، — دېگەندە، بەگىيۈسۈپ:
— بارىكاللا ئاتا. ئۆز بالامدەك كۆرۈپ قەدىرلەيمەن، — دېگەنىدى.
مانا بىر يىلدىن بۇيان سۇلتانبەگ زېرەك، هوشيارلىقى بىلەن بەگىيۈسۈپكە يېقىپ قالدى. قەيەرگە بارسا ئۇنى بىللە ئېلىپ باراتتى. شىكارغا بىللە چىقاتتى. مەدرىسىلەرگە بىللە ئاپىرىپ مۇنازىرە — مۇھاكىمىگە قاتناشتۇراتتى. سۇلتانبەگمو بېجىرىدىغان ئىشنى دېگۈزمەي تېپىپ قىلاتتى. ھاردىم،
چارچىدىم دېمەيتتى. بەزى ھاللاردا بۇيرۇلمىغان ئىشلارنىمۇ قىلىۋېتىپ بەگىيۈسۈپنى رازى قىلىۋېتەتتى.
بەگىيۈسۈپ بۈگۈن ئەتىگەن ئۆيدىن چىققاندا، سۇلتانبەگ ئۇنىڭ پەرىشان ئىكەنلىكىنى تۈرۈلگەن قاپاقلىرىدىن بىلدى. بەگىيۈسۈپنىڭ پۈتۈن ئوي - پىكرى، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشتىن ئىبارەت چىگىش مەسىلىگە مەركەزلەشكەنىدى. «كۆڭۈلگە ئايان بولغان پاجىئە ئاخىر يۈز بەردى. ئىبراھىم تېگىن تەختكە چىقتى. قارا نىيەتلىرى ئەمەل - ھوقۇقىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق ئەھۋاللار سادىر بولىدۇ؟ بۇنى ئالدىن ئېيتىش تەس، ئەمما بىزنىڭ بارلىق ئىش - ھەرىكىتىمىز قاراخانىيلار خانلىقىنى، ئادالەتنى، ئاۋامنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشقا، سويقەستچى قاتىللارنى جازالاشقا قارىتىلىشى كېرەك !…»
ئۇ ئېلىكخانغا بېرىلىدىغان مەسلىھەت ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ماڭدى. ئوردىغا كىرگەندە چاشكا ۋاقتى بولغانىدى. كۆتۈرۈلۈپ قالغان كۈننىڭ نۇرى دىۋانخانىنىڭ نەقىشلىك تاملىرىغا ياماشقانىدى. بۇ يەرگە يىغىلغان ۋەزىر، ئەمىر، ھاجىپلارنىڭ تۇرقىدىن بىر جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
بەگىيۈسۈپ سالام بېرىپ، بەزىلەر بىلەن تىنچلىق سوراشتى، بەزىلەر بىلەن باش لىڭشىتىپ كۆرۈشكەن بولدى.
— بەگىيۈسۈپ، ئېلىكخان ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ سارايدا يوغۇچى بېشى بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ، — دېدى بوش ئاۋاز بىلەن ھاجىبۇل ھۆججاپ ئابدۇلغاپپار بارسىغانى يېنىغا كېلىپ تۇرغان بەگىيۈسۈپكە بۇرۇلۇپ قاراپ.
— تۈنۈگۈن كېچە ئوردىدىن مېھمان كېلىۋاتىدۇ، ئەتىگەن ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ كېچىكىپ قالدىم، جاناپلىرى … — ئاۋۋال ئېلىكخاننى ئاقىلاندۇرۇش زۆرۈر بولغاچقا، بەگىيۈسۈپ
ئوردىكەنەتتە يۈز بەرگەن پاجىئە توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى.
كۆپ ئۆتمەي ئېلىكخان سارىيىدىن قۇتلۇقبەگ چىقتى.
— جانابلار، مەرھەمەت، — دېدى ئۇ قوللىرىنى يېيىپ.
ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان سالام بەجا كەلتۈرگەن ئوردا ئەمەلدارلىرىغا جاۋاب سالام قايتۇرۇپ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
— جانابلار، — دېدى ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، — تاغام مەھمۇد ئارسلانخاندىن مەكتۇپ ئالدىم، — ئۇ سۆزىدىن توختاپ، ئوقۇك دېگەن مەنىدە مەكتۇپنى باش ۋەزىرگە تەڭلىدى.
قۇتلۇقبەگ تەزىم قىلىپ مەكتۇپنى ئالدى ۋە ئېچىپ ئوقۇدى:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بالاساغۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانى ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ئىنىمغا:
مەلۇم بولسۇنكى، غەربىي قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تامغاچ بۇغراخانى ئىبراھىم ئارسلانخان① ھىجرىيە 450 يىلى رەبىيەسسانىنىڭ ئونىنچى كۈنى بەش مىڭ سىپاھ بىلەن شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدىكى پەرغانە دىيارىغا ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئەللىك يۈلۈكنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىۋالدى. يېقىن تاغىلىرى ھەسرەت نادامەت بىلەن بارسغانغا كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. تەييارلىقسىز تۇرغانىكەنمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مىڭ ئەپسۇس. ھازىر بارسغاننىڭ ئېلىكخانى بولغان سانغۇن ئىنائەتپېگىن بىلەن پۇختا تەييارلىق قىلىپ پەرغانە دىيارىنى قايتۇرۇۋالماقچىمىز. بۇ توغرۇلۇق بۇغرا قاراخان مۇھەممەد ئارسلانخان ئاكامغا مەلۇماتنامە ئەۋەتتىم. باتۇر ئىنىم،
① ئىبراھىم ئارسلانخان — ئىبراھىم بۆرە تېگىن.
سېزنىڭ ئۈچ تۈمەن لەشكەر ئەۋەتىپ ياردەمدە بولۇشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. ئاللا ھەممىمىزگە مەدەتكار بولغاي. كامالىي ئېھتىرام بىلەن يولىڭىزغا مۇنتەزىر بولغۇچى: تاغىڭىز مەھمۇد ئارسلانخان. ھىجرىيە 450 - يىلى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 21 - كۈنى ①»
ئوقۇپ بولغان قۇتلۇقبەگ مەكتۇپنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ ئېلىكخانغا سۇنۇپ بەردى. — جانابلار، مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن واقف بولدۇڭلار. قارىغاندا تاغام ئاكىسىنىڭ غەپلەتتە قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپمىغان ئوخشايدۇ. مەن ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بارماقچىدىم، ئەمدى پەرغانىگە بارىدىغان بولدۇم. بۇ ھەقتە مەسلىھەتچىلەرگە موھتاجىمەن، — دېدى ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ئورنىدىن تۇرۇپ. — ئىككىلا دۇنيادا مەرتىۋە تاپقان، ئالەمگە قانات يايقان شاھىنشاھ ئالىيلىرى، تاغىدەك ئېغىرلىق ۋە چىدام بىلەن بۇ ۋاقىتقىچە سەۋر قىلىپ، نۇسرەتلىك قىلىچلىرىنى قىنىدىن سۇغۇرماي ئۆزلىرىنى تۇتۇپ كەلدىلەر. ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئاتىلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش، تەختكە ۋارىسلىق قىلىش پەيتى يېتىپ كەلگەندە، مەھمۇد ئارسلانخان تاغىلىرىنىڭ پەرغانە دىيارىنى بۆرە تېگىگە تاشلاپ بېرىپ، ئارقىدىن ياردەم سورىشى — ئالىيلىرىنىڭ نۇسرەتلىك يولىنى توسۇش ئۈچۈندۇر. يىپقىچە بولغاندا ھەممىدىن نىيەت ئەلا. ياخشى نىيەت بىلەن ئىرادە بەلباغىنى باغلىغانىكەنلا، پەرغانىنى قويۇپ، ئوردۇكەنتكە قاراپ ئاتلانماقلىرى سائادەتتىندۇر، — قۇتلۇقبەگ سۆزىنى تۈگىتىپ، ئېلىكخانغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. شەيخۇلئىسلام ئابدۇلهاپىز داموللا ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى:
① مىلادىيە 1058 - يىلى 3 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
353
— شەرىئەت ھۆكمىدە دىنىي قېرىنداشلارنىڭ تەخت تالىشىپ قان تۆكۈشى ھارامدۇر. بىر - بىرىنى قىرغىن قىلىش — مەنئى قىلىنغاندۇر. دانا ۋە ئالىپ ئېلىكخانىمىزنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەۋر قىلىپ كېلىشى ئاللانىڭ پەزىلىتىندۇر. مەن يەنىلا سەۋر قىلىپ، ئوردۇكەنتكىمۇ، پەرغانىگىمۇ لەشكەر تارتىپ بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.
— مەھمۇد ئارسلانخان قاراخانىيلار ئېلىنىڭ بىر تۈۋرۈكى. ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قول قۇۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش نامەردلىك بولىدۇ. ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن ياردەم قىلماق ئالىيلىرىنىڭ شەرىپى.
— مەھمۇد ئارسلانخانغا ياردەم بېرىمەن، دەپ ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشنى كېچىكتۈرۈش — تاجوۋتەختتىن ۋاز كېچىش بىلەن باراۋەر، ئالىيلىرى.
— ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش كېرەك، ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئىككىلەنمىگەيلا …
— مەھمۇد ئارسلانخانغا ياردەم بېرىش زۆرۈر. ئىبراھىم بۆرە تېكىننى پەرغانىدىن چىقىندۇرۇپ، ئاندىن ئوردۇكەنتكە بىرلىكتە يۈرۈش قىلساق جەزمەن زەپەر قۇچالايمىز …
بەگتۈسۈپ ۋەزىر، ھاجىپلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ، بېشىنى چايقاپ ئورنىدىن قوپتى.
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، — دېدى ئۇ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ، — ئوردۇكەنتتىن مەكتۇپ كەلدى. ئوقۇپ بەرسەم كۆپچىلىك ئاڭلاپ باقسا، ئاندىن پىكىرلەشسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق ئامال تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل.
— قېنى، ئوقۇڭ، ھاجىپ، — ئېلىكخان ئىجازەت بەردى.
بەگتۈسۈپ دىلداربەكە ئەۋەتكەن مەكتۇپنى ئوقۇدى. ساراي ئىچى جىمىجىت بولۇپ كەتتى. ئېلىكخاننىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋەزىر - ۋۇزۇرلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىشتى.
«دەرىخا - دەرىخا، ئاسىي قارا نىيەتلەر ئاخىر سۈيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ - دە، ئەمدى قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ…» دەپ ئويلىغان ئېلىكخان:
-
جاناپلار، مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن واقفلاندىڭلار. ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشنى ئەمدى كېچىكتۈرسەك بولمايدىغانلىقى سىلەرگە ئايان بولدى. ئاسىي خائىنلارنى جازالاش، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تاجو-تەختىنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەسەمياد قىلايلى! - دەپ خىتاب قىلدى تەختتىن تۆۋەنگە چۈشۈپ.
-
ئېلىكخان ئالىيلىرى، - دېدى بەگيۈسۈپ ئالدىغا كېلىپ، - قاراخانىيلارنىڭ پايتەختىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ئىبراھىم بۆرە تېگىن تامغاچ بۇغراخاننىڭ پەرغانە دىيارىغا بېسىپ كىرگەنلىكىدىن ھەممىمىز واقف بولدۇق. ئېلىمىز قانلىق ئۇرۇشنىڭ خەۋپى ئاستىدا، خەلقىمىز غەم - قايغۇدا قالغان بۇ ئەنسىز كۈنلەردە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىز زۆرۈر، دەپ قارايمەن، - ئۇ نەزىرىنى ئېلىكخاندىن كۆپچىلىككە ئاغدۇردى، - بىز ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلساقمۇ، پەرغانىگە لەشكەر تارتساقمۇ ئوخشاشلا قارشىلىققا ئۇچرايمىز. ئىبراھىم تېگىن تاجو-تەختنى ھەرگىز ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ. ئىبراھىم بۆرە تېگىنمۇ پەرغانىدىن ئاسانلىقچە چىقىپ كەتمەيدۇ…
-
ئۇنداق بولسا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرىمىدۇق، ھاجىپ؟ - بەگيۈسۈپنىڭ گېپىنى بۆلۈپ سورىدى ئېلىكخان.
-
يوقسۇ ئالىيلىرى، بۇ ھەقتە ئالدىراپ قارار چىقارماي ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈشىمىز لازىم.
-
سىز كۆرسەتمەكچى بولغان ئەقىل قول قوشۇشتۇرۇپ تۇرۇشمۇ ياكى ئۆلمىغانغا، كۆرمىگەنگە سېلىپ، ئۆتۈۋېرىشمۇ؟ - قۇتلۇقبەگ تەھدىت قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى
يەنە ئۈزۈپ قويدى. — يوقسۇ، يوقسۇ، يۇغرۇش بېشى، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. مېنىڭ پايدىلىق تەرەپنى ئويلاپ ئېلىكخان ئالىيلىرىغا بېرىدىغان مەسلىھەتىم مۇنداق، — بەگىيۈسۈپ ئېلىكخانغا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئاۋۋال ئىبراھىم بۆرە تېگىنگە يالۋاچ ئەۋەتىپ مۇددىئاسىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى قىلىش زۆرۈر. — ھاجىپ، بۇ دانا مەسلىھەتىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشماس قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ئېھتىمال ئۆزىڭىزمۇ بىلمەيسىزغۇ دەيمەن. ئىبراھىم ئارسلانخان بۆرە مىجەز ئادەم. ئۇ «قايتىپ كەتتۇق» دېگەن گەپنى ئاڭلىسا، ئاغزىدىكى لوقمىنى چاينىماي يۇتۇۋېتىدۇكى، ھەرگىز ئارقىسىغا يانمايدۇ. ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش ئۇنىڭ ئۆنۈملۈك تەدبىرى. — شۇنداق، بۆرە تېگىننى ماقۇل كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، — دېيىشتى بىر قانچە ۋەزىر، ھاجىپلار. — يۇغرۇش بېشى، — بەگىيۈسۈپ قۇتلۇقبەگكە تىكىلدى، — مېنىڭچە، بۆرە تېگىن بىلەن سۈلھى قىلىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بۆرە مىجەزلىك ئىكەنلىكى راست، شۇنداقلا ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلىقىمۇ راست. ئۇ جاھانگىرلىك تەبىئىتى بىلەن خانلىق زېمىننى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئىنسانلىق ئەقلى بىلەن قېرىنداشلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇشىنى خالىمايدۇ. شۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى روشەنكى، ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى قىلماي، ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلساق، ئۇ قۇزئوردۇغا لەشكەر تارتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئارقىمىزغا يېنىپ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلامدۇق؟ بۇنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ يۇغرۇش باشى؟ قۇتلۇقبەگ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئاقۇچ پېشانىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ چىرايلىق قىرقىلغان ساقىلىنى سىيپاپ: — ئۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ، ھاجىپ؟ — دېدى. — قۇزئوردۇ بىلەن پەرغانەنىڭ ئارىلىقى ئوردۇكەنتكە قارىغاندا كۆپ يېقىن. بۆرە تېگىن كالتە ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزى
356
پۈتۈن جاھانغا تىكىلگەن. بىز ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ كەتسەك، ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا يانچىلىپ كېتىمىز …
- شۇنداق بولسا، بۆرە تېگىننى نىيىتىدىن ياندۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ - ئىككىنچى قېتىم بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ سورىدى ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان بارغانسېرى جىددىيلىشىپ.
- تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم ئارسلانخان بۆرە تېگىن، - دېدى بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ نام - ئەمەل، لەقىمىنى تولۇق ئاتاپ، - سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چەۋرىسى، ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان شاھزادە، ئەمەلىي گەپ ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قارارىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش - قىلالماسلىقتا، ئېلىكخان ئالىيلىرى. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان:
- قېنى جاناپلار، پىكىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، - دەپ تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش ياكى پەرغانىگە لەشكەر تارتىپ بېرىشنى قوللايدىغانلار بىلەن، ئىبراھىم بۆرە تېگىن بىلەن سۈلھى قىلىپ، ئاندىن ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشنى قوللايدىغانلار ئارىسىدا كەسكىن تالاش - تارتىش بولدى. بەگىيۈسۈپنىڭ «سۈلھى قىلماي تۇرۇپ ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلساق، بۆرە تېگىن قوزغۇردۇغا لەشكەر تارتىپ كەلسە، ئارقىمىزغا يېنىپ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلامدۇق ياكى ئوردۇكەنتكە كېتىۋېرىمىدۇق. مۇبادا شۇنداق قىسمەتكە دۇچ كېلىپ قالساق، ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا يانچىلىپ كەتمەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئېلىكخان باشلىق ۋەزىر، ھاجىپ، ئەمىرلەرنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. جىددىي مۇلاھىزىلەردىن كېيىن بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزىنى توغرا تاپقان ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان دېدى:
- جاناپلار، ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قىلغان سۆزلىرىڭلاردا، ياخشى تىلەك، ئورۇنلۇق مەسلىھەت بار. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە تەشەككۈر.
ھالبۇكى، ئەتراپلىق ئويلىغاندا، مۇددىئا، ئارزۇيىمىزغا نىسبەتەن، ھاجىپ بەگىيۈسۈپ بەرگەن مەسلىھەتنىڭ ئەھۋالىمىزغا مۇۋاپىقلىقىنى ھېس قىلغاندەك تۇرىمىز. شۇنداقمۇ جانابلار؟
— شۇنداق — شۇنداق؟ — دېگەن سادا ساراينى بىر ئالدى. يەنە ئورنىدىن تۇرغان ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان:
— ئۇنداق بولسا ئىبراھىم بۆرە تېكىن تامغاچ بۇغراخاننىڭ ئالدىغا كىم يالۋاچ بولۇپ بارىدۇ؟ — دېگەن سوئالنى قويدى.
ساراي ئىچى يەنە تىمىتاس بولۇپ قالدى، ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى، بەگىيۈسۈپ:
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئەگەر مۇناسىپ دەپ قارىسىلا، پېقىر يالۋاچ بولۇپ بېرىشنى خالايىمەن، — دېدى قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ.
ئوردا ئەھلى يەلكىلىرىدىكى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك يېنىك تىن ئېلىشتى. ئۇلارنىڭ ھۆرمەت نەزىرى بەگىيۈسۈپكە مەركەزلەشتى.
— بەگىيۈسۈپ بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، — دەپ تەختتىن چۈشكەن ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ئۇنىڭ قولىنى سىقتى، — رەھمەت بەگىيۈسۈپ، سىزدىن ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم. مەسلىھەت ۋە تەكلىپىڭىز خانلىقىمىزنى قانلىق توقۇنۇش ۋە ئېغىر مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئەمدى قاچان يولغا چىقىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟
بەگىيۈسۈپ كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى:
— ۋاقىت — غەنىيمەت، ۋاقىت — غەلبە، ئالىيلىرى. مەن دەقىقىمۇ كېچىكمەي يولغا چىقسام دەيمەن.
— باريكاللا! قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولسىڭىز ھازىردىن ئېتىبارەن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشەيلى. خۇدا بۇيرۇسا ئەتە يولغا چىقىڭ، — ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان نەزىرىنى كۆپچىلىككە
قاراتتى، جانابلار، ھاجىپ بەگىيۈسۈپنىڭ ئاقىيۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلايلى!
ئامىن! شەيخۇلىسلام دۇئائا قول كۆتۈردى، ئى خۇدايا، پاك پەرۋەردىگارا. مۇشكۇللۈكنى بىر ئۆزۈڭ ئاسان قىلغۇچى سەن. ھاجىپ بەگىيۈسۈپنىڭ ئاۋام ئۈچۈن، خانلىقىمىزنىڭ سائادىتى ئۈچۈن قىلغان سەپىرىنى بىخەتەر، ئېلىنغان ھاجىتىنى راۋا قىلغايسەن، ئامىن ئاللاھۇئەكبەر!
ئامىن! كۆپچىلىكنىڭ ساداسىدىن ساراي لەرىزىگە كەلدى.
ھالبۇكى، قەشقەردىن شۇ كۈنى كەچتە ئۇشتۇمتۇت مېھمان كېلىپ قالغاچقا، بەگىيۈسۈپ دېگەن چاغدا يولغا چىقالماي قالدى.
2
بۇ كەچتە قەشقەردىن ئۇشتۇمتۇت كەلگەن مېھمان قەستكە ئۇچرىغان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئۈچىنچى خانىشى كۈمۈش تارىم قىلىچخان ئاغىچا بېگىم ئىدى. ئۇنىڭ كېلىشى شۇنداق تۇيۇقسىز بولدىكى، ھەرەم ئاغۋاتى كىرىپ ئېلىكخاننى ئويغاتقاندا، ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي بىر دەم تېڭىرقاپ قالدى. ئاندىن خانىش ئالتۇن تارىم سۈمەنبەر ئاغىچا بېگىم بىلەن ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا چىقتى.
دۇبۇلغا ساۋۇت كىيىپ، يۈزلىرىنى نىقابلىۋالغان ئون نەچچە چەۋەنداز ئاتلىرىنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئېلىكخان ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى. ئۇلار ئارىسىدىكى بويچانراق بىرسى يېقىنراق كېلىپ:
ئەي ھەسەن ئارسلانخان ئالىيلىرى، پېقىرە خانىش قىلىچخان ئاغىچا بېگىم بولىمەن. ئوردۇكەنتتىن سىزنى پاناھ تارتىپ قېچىپ كەلدىم. بۇلار مېنىڭ كېنىزەك ۋە غۇلاملىرىم، دەپ يۈزىدىكى نىقابنى ئالدى.
ئەبۇ ھەسەن ئېلىمخان سەپىلىپ، چاڭ - توزان بېسىپ قارىداپ قالغان تونۇش چىراينى كۆردى. خانىشنىڭ قەلەم قاشلىرى ئاستىدىكى بوتۇنۈشكىدەك چوغ كۆزلىرىدە ياش لىچىلدايتتى. بۇغداي ئۆڭ چېھرىدىن قايغۇ - ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. سۆمەنبەر ئالتۇن تانىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تىنچلىق سوراشتى.
— مەھابا خانىش، مەھابا، — دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىپ.
قىلىچخان ئاغىچا بېگىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سۆمەنبەر ئالتۇن تانىمنىڭ قەسرىگە كىردى. بىرئاز ئارام ئېلىپ چاي ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇپ تاراندى، ئۆيۈشۈپ ئاغرىپ تۇرغان پۇت - قوللىرى بوشىشىپ، قىينالغان تەنلىرى يايراپ قالدى.
كۈمۈش تانىم قىلىچخان ئاغىچا بېگىم سۆمەنبەر ئالتۇن تانىمنىڭ تەكلىپى بىلەن، دېرىزىلىرى گۈلزارلىققا قارايدىغان ئايۋانغا كىرىپ، كىمخاب پاياندازدىن ئورۇن ئالدى. كېنىزەكلەر داستىخان سېلىپ، مەزە - گۆشەك قويدى. ئارقىدىن ھاردۇق ئېشى ئېلىپ كىردى. تەخسىدە ئۆلار، قىرغائۇل، بۆدۈنە گۆشىدىن قىلىنغان كاۋاپ تارتىلدى.
— يول ئازابى گۆر ئازابى دېيىلىدىكەن كۈمۈش تانىم، ئۇزاق يول يۈرۈپ ھېرىپ - چارچاپ كېتىپسىزلا، بەھۇزۇر ئېلىشىلا، چاي - تاماقتىن ھاردۇق چىقىرىدۇ، — دېدى تەكلىپ قىلىپ سۆمەنبەر ئاغىچا خېنىم.
ئۇزاق يولنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتى، ۋەھىمە، ئەندىشە، غەم - ئەلەمدىن نان، ئاش گېلىدىن ئۆتمەي، ياداپ تارتىلىپ كەتكەن خانىش ۋە ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى تاماقنى ئوبدان يېدى، شەربەتلەردىن ئىچتى، كۆزلىرى نۇرلىنىپ، چىرايلىرىغا قان يۈگۈردى.
خانىش قىلىچخان ئاغىچا بېگىمنىڭ بالاساغۇنغا قېچىپ كېلىشى، زىنھار ھايات قېلىپ جان بېقىش ئۈچۈن ئەمەس،
ئاداققىچە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ بۇ ئىراىدىسىنى تاماقتىن يېپ بولۇپ دۇئا قىلىپ تۇرۇشقا كىرگەن ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە تېخىمۇ ئاشكارىلىدى.
- خانىش ئالىيلىرى، بىخەۋەر بولغىنىمىز ئۈچۈن ئالدىلىرىغا چىقالمىدۇق. رىيازەت چىكىپ كەلگەنلىرىدە، تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالساق بولاتتى، ئەمما ئوردىكەنتتە يۈز بەرگەن پاجىئە بىزنىمۇ داغى ھەسرەتتە قويدى. كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتلىرىدە بولالمىغىنىمىز ئۈچۈن كەچۈرگەيلا، - دېدى ئېلىكخان يەنە بىر قېتىم تىنچلىق - ئامانلىق سورىغاندىن كېيىن.
- ئېلىكخان ئالىيلىرى، خۇدا كۆرۈپ تۇرۇپتۇ. راستىنى دېسەم پېقىرەنى ھەرەملىرىگە كىرگۈزمەسلىكلىرىدىن ناھايىتى تەشۋىش قىلغانىدىم، كۆرىدىغان كۈنۈم يەنە بار ئىكەن. ئويلىغاندىن ئارتۇق ياخشى كۈتۈۋېلىشتىلا، ئاتامغا دۈشمەنلىك قىلغان خۇنخور پادشاھنىڭ خوتۇنى دېمەستىن ئىززەتلىنى قىلىشتىلا! رەھمەت، ھەر بىرلىرىگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن، - خانىش قىلىچخان ئاغىچا بېگىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخانغا، سۆمەبەگ ئالتۇن تارىمغا تەزىم قىلدى. مىننەتدارلىق ياشلىرى تولا يىغلاپ بۇلاق بولغان كۆزلىرىدىن ئاقتى.
- ئولتۇرۇسلا ئاغىچا بېگىم، ئولتۇرۇسلا، - سۆمەبەگ ئالتۇن تارىم ئېرى بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، - ئوردىكەنتتىكى پاجىئەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر كۆپ ئىكەن، دەپ ئاڭلىدۇق، ئۆزلىرىنى خۇدا پاناھىدا ساقلاپتۇ. قوزئوردۇغا سالامەت ئاياغ باسقانلىرىدىن خوشالمىز، خىزمەتلىرىدە بولۇشقا ھەر قاچان تەييارمىز.
- ئانداق دېمىسلا ئالتۇن تارىم، پېقىرەنىڭ نېمە خىزمىتى بولسۇن؟! - ئۆلەرنىڭ سەمىمىي كۈتۈۋالغىنىدىن تەسىرلەنگەن خانىش سورىدى، - ئوردىكەنتتە يۈز بەرگەن پاجىئە توغرۇلۇق
كىمدىن ئاڭلاشتىلا؟ چاپارمەن كەلدىمۇ ياكى كەلگەن كارۋان يەتكۈزدىمۇ؟
— چاپارمەنمۇ، كارۋانمۇ كەلمىدى. ئوردىدىكى ئاتاساغۇن دىلدار ئاغىچا ئۆتكەن مەكتۈپتىن بىلدۇق، — دېدى ئېلىكخان.
— ئاتاساغۇن دىلدار ئاغىچا خېنىم پېقىرنىمۇ ئۆزى يولغا سالغان. مەكتۈپ ئۆتكىنى توغرۇلۇق بىرنېمە دېمىگەنىدى. تەقدىرنىڭ بىزدىنمۇ ئىشەنچلىك بەندىلىرىنىڭ بارلىقى مانا بۈگۈن ئايان بولدى، — ئەجەبلەنگەن خانىش كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئېغىر تىن ئالدى.
— ئۆزلىرىنىمۇ ئاتاساغۇن دىلدار ئاغىچا خېنىم يولغا سېلىپ قويغانمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن تونۇش ئوخشىمامدىلا؟
— شۇنداق، ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئاتاساغۇن دىلدار ئاغىچىنى ئوردىدىكى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. بۇغراخان ھەرەمدىكى مەلىكە، خانىشلاردىن تارتىپ كېنىزەك — ئاغىۋاتلارغىچە كېسەل بولۇپ قالساق ئۆزى داۋالاپ كېلىدۇ، پېقىرنىمۇ بىر قانچە قېتىم داۋالىغان. ئۇنىڭ بىلەن يېقىن سىرداش بولۇپ قالغانىدۇق. پاجىئە يۈز بەرگەن كۈننىڭ ئاخشىمى ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنۇۋالمىغان بولسام ھايات قالمايتتىم. مېنى ئۆزىنىڭ دېدىكى سىياقىدا ياساندۇرۇپ شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىرىپ يولغا سېلىپ قويدى. ئۇ ئاجايىپ تەدبىرلىك بۈگۈ بىلگە …
— خانىش ئالىيلىرى، سۆزلىرىنى ئۈزۈپ قويدۇم، كەچۈرگەيلا، — دېدى ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان بېشىنى سەل ئېگىپ، — يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەنىڭ سادىر بولۇش جەريانىنى بەكمۇ بىلگۈمىز بار. مەكتۈپتە بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر يوق ئىكەن. مالاللىق يەتمىسە سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا.
— سۆزلەپ بەرمەيدىغان، ئالىيلىرى، سۆزلەپ بېرىي، — خانىش قىلىچخان ئاغىچا خېنىم گېپىنى باشلىماقچى بولۇۋەردى، بىردىنلا كۆز ئالدىغا قىلىچ كۆتۈرگەن قۇماربېكنىڭ
قورقۇنچلۇق تەلەتى كېلىپ توختاپ قالدى. ئارقىراش - جارقىراشلار، نالە - پەريادلار ئاڭلانغاندەك بولۇپ، كۆزلىرىدىن ياش قويۇلدى. ئۇنىڭ ھەسرەتلىك چىرايىغا قارىغان سۆمەنبەر ئالتۇن تارىممۇ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
- بۇ ئادەتتىكى پاجىئە ئەمەس، ئېلىكخان ئالىيلىرى، غەرەزلىك، پىلانلىق قىلىنغان چوقان سۈيقەست، بۇ سۈيقەستنى پىلانلىغۇچى ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربىكە ! - ئىختىيارسىز مۇشتۇملىرى تۈگۈلگەن، چىشلىرى غۇچۇرلىغان خانىش يەنە سۆزدىن توختاپ قالدى. ئۇنىڭ گۈل پورەكتەك قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، چىرايى قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى. سۆمەنبەر ئالتۇن تارىم ئۇنىڭدىن ھال سورىماقچى بولدى - يۇ، ئېرىنىڭ باش چايقىغىنىنى كۆرۈپ ئېغىز ئاچمىدى. سۆمەنبەر ئالتۇن تارىم كېنىزەككە چاي كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. دەم يەپ تاۋىغا كەلگەن خۇشبۇي چايدىن كۈمۈش جامغا قويۇپ بېرىۋىدى، قىلىچخان ئاغىچا بېگىم ئىچىپ بىرئاز ئوڭشالدى.
- چارچاپ قالغاندەك تۇرىدۇلا خانىش ئالىيلىرى، ئارام ئېلىۋالسلا بولغۇدەك، بىز ئەتە پاراڭلىشايلى، - ئەبو ھەسەن ئېلىكخان ئورنىدىن قوپتى.
- راست، چارچاپ قاپتىمەن، شاھزادە. ئالىيلىرىنى مالال قىلىپ قويدۇم، كەچۈرگەيلا، - دېدى خانىش بوش ئاۋاز بىلەن. ئېلىكخان خوتۇنىغا دېدى:
- ئالتۇن تارىم، ئەتە ئاتاساغۇن بۆشۈكئايىشە خېنىمنى چاقىرتىپ، خانىشنى تەكشۈرتۈپ باقسلا، بىرەر كېسەل يېپىشقان بولمىسۇن يەنە. ئەبو ھەسەن ئېلىكخان ئۆزىنىڭ ئارامگاھ سارىيىغا چىقىپ، تۈن تېخى بولغۇچە خىيال سۈرۈپ ياتتى. ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا ئۆكەر تەكلىشىكەندى. ئېلىكخان ئەتەيسى ئەتەنگەن بىرى توۋلىغاندەك بولۇپ چۆچۈپ ئويغاندى، ئورنىدىن تۇرۇپ تەرەت
ئېلىپ، ئوردىدا مەسچىتتە جامائەت بىلەن ناماز ئۆتەپلا دىۋانخانىغا كىردى. جاندارلار بېشى ئالىپ ئېلىزادەبەگدىن باشقا ھېچكىم كەلمىگەنىدى.
— ئالىيلىرى، قاپۇغچى باشىنى چاقىرامدىمەن، يوغروش باشىنىمۇ؟ — سورىدى ئۇ. ئۇياق — بۇياققا سەپىلىپ بىر كىمنى ئىزدەگەندەك قىلغان ئەبۇ ھەسەن ئېلىخانىدىن.
— مەن قېيىنئاتىڭىز ھاجىپ بەگىيۈسۈپنى كۈتۈۋاتىمەن، ئۇنىڭغا مۇھىم بىر خەۋەرنى ئېيتماقچىدىم.
— ئالدىغا بېرىپ باقايىمۇ؟
— ۋاقىت تېخى بالدۇر، يېرىم سائەتكە قالماي كېلىپ قالار، ئۇنىڭغىچە چار باغدا ھاۋالىنىپ تۇرايلى.
ئەبۇ ھەسەن ئېلىخان دىۋانخانىدىن ئوردا سەيناسىغا چىقتى، سارايغا كىرىپ ئولتۇرغۇسى كەلمىگەنىدى. ئۇ بىردىن ئېسىگە ئېلىپ:
— جاندارلار بېشى، تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن ئوردىكەنتتىن تاغامنىڭ خانىشى كەلگەنىدى، مىجەزى يوقىدەك تۇرىدۇ. ئاتاساغۇن سىڭلىمىز كېلىپ كۆرۈپ باقسا بوپتىكەن، — دېدى.
— ھازىر بېرىپلا ئېلىپ كېلەي، ئېلىخان ئالىيلىرى، — دەپ ماڭغان ئېلىزادەبەگ نېرىراق تۇرۇشقان جاندارلارغا ئېلىخاننىڭ خىزمىتىگە تەييار تۇرۇشنى تاپىلاپ قويۇپ ئۆيگە كەتتى.
ئۇ ئوردىدا ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ھەم ياش ھەم زېرەك بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئۇنتۇماي ساداقەتمەنلىك بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ جاندارلار بېشى بولغاندىن بۇيان ئورداغا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ، ھەممىدىن كېيىن قايتىدىغان بولدى. ھەممىشە ئېلىخاننىڭ يېنىدا بولاتتى، بۆرىدەك سەزگۈر ئىدى. شۇڭا، ئەبۇ ھەسەن ئېلىخان ئۇنى ئۆزىگە يېقىن كۆرۈپ كۈيۈنۈش قىلىۋاتاتتى، قىزى تۇغۇتتا ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئوغلىدەك كۆرىدىغان
بولدى. ئاغزىدا «جاندارلار باشى» ياكى «ئېلىزادەبەگ» دەپ ئاتىسىمۇ، كۆڭلىدە «ئوغلۇم، بالام» دەيتتى. بەگىيۈسۈپكە كۆيۈنۈشۈل بولۇشقا ئونى ئۆزى سايە قىلغانىدى …
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئېلىكخان ئالىيلىرى، ساقلىتىپ قويۇپتىمەن، ئۈرۈك — توغقانلار بىلەن خوشلىشىمەن، دەپ كېچىكىپ قالدىم. كەچۈرگەيلا، — دېدى ئالدىغا كەلگەن بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھاجىپ، ۋاقتىدا كەلدىڭىز، — ئېلىكخان ئونىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، — تۈنۈگۈن كەچ ئوردىدىن كۈتمىگەن بىر مېھمان كېلىپ قالدى. بۈگۈن يولغا چىقالمايدىغان بولدىڭىز.
— نېمىشقا، ئالىيلىرى؟ — بەگىيۈسۈپ ھەيران بولۇپ سورىدى.
— بۈگۈن ئۇ مېھمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوردىدا يۈز بەرگەن جەرياننى ئاڭلاپ، ئاندىن يولغا چىقسىڭىز ياخشىراق بولارمىكىن دەيمەن.
— مېھمان كىم ئىكەن، ئالىيلىرى؟
— تاغام مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خاتۇنى قىلىچخان ئاغىچا.
«ئارقا — ئارقىدىن كەلگەن ئىككى بەتەلەي خاتۇن…» دەپ ئويلىنىپ قالغان بەگىيۈسۈپ دېدى:
— بەزى ھاللاردا ۋاقىتنىڭ كېيىن سۈرۈلۈشى ئامەت ئېلىپ كەلسە، بەزى ھاللاردا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئالىيلىرى. يېقىن كېچىكمەي ماڭسام بولاتتى.
— ئۇنداق بولسا يۈرۈڭ، — ئېلىكخان ھەرەمگە قاراپ ماڭدى.
3
كۆكلىم شامىلى يولنىڭ ئىككى قاسىنىدىكى ئېرىقنى بويلاپ ئۆسكەن ئارچا دەرەخلىرىنى يەلپۈندۈرۈپ، قىزىلگۈلنىڭ
خۇشبۇيىنى تارقاتاتتى. شاخلاردا چاچىلداپ سايراۋاتقان بۇلبۇل، تورغاينىڭ يېقىملىق ئۈنى ئوردا ئىچىنى خۇش ناۋاغا تولدۇرغانىدى. يېشىللىققا پۈركەنگەن ھەرەم قەسىرلىرى يېڭى چىققان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى.
بەگىيۈسۈپ ئېلىكخان بىلەن ئەتراپقىمۇ كۆز سالماي خىيال سۈرۈپ كېتىۋاتاتتى: «خانىش قىلىچخان ئاغىچا بېگىم قوزغۇلاڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەندۇ؟ ئەلۋەتتە، سەيلە - ساياھەت ئۈچۈن ئەمەس. ئېھتىمالغا يېقىنكى، قۇماربېكەنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ قېچىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئاندىن يولغا چىققانمۇ پايدىلىقتەك قىلىدۇ. يېڭى ئەھۋال، ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەر تېپىشىم مۇمكىن…»
ھەرەمنىڭ ئىستىراھەت سارىيىغا كىرگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ خىيال يىپى ئۈزۈلدى.
— ئاۋۋال ناشتا قىلىۋالايلى، ھاجىپ. مەن تېخى ئاغزىمغا بىرنەرسە سالغىنىم يوق، — دېدى ئېلىكخان، ئاندىن ئاغۋاتلارغا تاماق كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى، — ئاشۇ ئوردىدىكى پاجىئەدە كىملەر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، كىملەر ھايات قالدى؟ ئەس - يادىم شۇنىڭدا بولۇپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم. بۇ قانلىق پاجىئە خانىشقا قاتتىق تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ. ئاخشام سۆزلەپ بېرىمەن دەپ، نېرۋىسى قوزغىلىپ قالدى، پىكىرنى يىغالماي دىققىتى چېچىلىپ، سۆزلەپ بېرەلمىدى. بەلكىم كېچىچە ئارام ئېلىپ كۆڭلى تىنچلانغان بولسا بۈگۈن سۆزلەپ بېرەر. قېنى چايغا مەرھەمەت قىلىڭ، — ئېلىكخان ئاغۋات داستىخانغا قويغان چاي - يېمەكلىكلەرگە ئىما قىلدى.
بەگىيۈسۈپ سەپەرگە تەييارلىنىپ ئەتەنگىدىلا تاماق يېۋالغانلىقى ئۈچۈن چاي ئىچىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.
داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن، بەگىيۈسۈپ ئېلىكخاننىڭ باشلىشى بىلەن، سۆمەنبەر ئالتۇن تارىمنىڭ قەسىرىدىكى خاس
ھۇجرىغا چىقىپ قىلىچخان ئاغىچا بېگىم بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار ئەھۋال سوراشتى. خانىش تاپىنىغا چۈشىدىغان قارا مەخمەل نىمچە، كەمچەت تۇماق كىيىپ، ئاق رومال سېلىۋالغانىدى.
— پېقىر دۆلەت ئىشى بىلەن بۈگۈن سەپەر قىلماقچىدىم. ئېلىكخان ئالىيلىرى قۇتلۇق قەدەملىرىنىڭ قوزغۇردۇغا يەتكىنىدىن ۋاقىپلاندۇرۇپ، كۆرۈشۈپ مېڭىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. مالال كۆرمىگەيلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن بېشىنى ئەگكەن ھالدا.
— جانابلىرى بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ ئىكەنلى — دە، ئاڭلىغان — ئاڭلىغان. ئوردۇكەنتتە گەپلىرىنى قىلمايدىغان ئادەم يوق، سىلى بىلەن قوزغۇردۇدا كۆرۈشكىنىم ئۈچۈن خۇرسەنمەن، — دېدى خانىش ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن. ئۇ خېلى ياخشىلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.
سۈمەيىبەر ئالتۇن تارىم ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. تېتىللا يېقىندىلا ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ئېغىز ئاچتى:
— خانىش ئالىيلىرى، ھاجىپ بەگىيۈسۈپنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. سالامەتلىكلىرى يار بەرسە ئوردۇكەنتتە يۈز بەرگەن پاجىئە توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسەن بولسىلا.
— بۈگۈن خېلى ياخشى قوپۇپتىمەن، ئالىيلىرى، سۆزلەپ بېرەي، ئىچىمدىكى قان — زەردابنى تۆكمىسەم، يېنىكلىمەيدىغاندەك، كۆڭلۈم بوشىمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھاجىپ جانابلىرى ئاڭلاپ قالسۇن، — قىلىچخان ئاغىچا بېگىم بىر ئاز تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى باشلىدى، — ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ، ئۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇق ئىدى. نەخوش يامغۇر شامىلى چىقىۋاتاتتى. تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، ئەتىگەندىن باشلاپ ئوردا ھەرەمدىكىلەر ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. پېقىرمۇ ئاتىمىزنىڭ ئورنىغا
تەختكە ئولتۇرىدىغان ھۈسەيىن ئارسلانخاننى مۇبارەكلەش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتاتتىم. بۇغرا، كاناي، ناغرا، سۇناينىڭ ئاۋازى ياڭراپ كەتتى. كېنىزەكلەرىم قەسر ھويلىسىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى. كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، ھاياجاندىن يىغلاپ تاشلىدىم. ئويۇن - كۈلكە چۈشكىچە داۋاملاشتى. كېنىزەكلەرىم يەپ - ئىچىپ يەنە ئويۇن باشلىدى. نېمە ئۈچۈندۇر يۈرىكىم ئېچىپ، كۆڭلۈم تاماقتىن تارتمايتتى. پېشىن نامىزىنى ئوقۇۋالدىم. جاينامازدىن تۇرماي «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىۋاتاتتىم، بىر ئەركىشىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، قەسر ھويلىسىدا قىيا - چىيا چىقىپ كەتتى. نېمە بولغاندۇ، دەپ يۈگۈرۈپ چىقسام، تېمىدا بىر ئادەم قىلىچ يالىڭاچلاپ تۇرۇپتۇ، يۈز - بويۇنلىرى قان ئىدى. كېنىزەكلەرىم قېچىپ خانىلەرگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ ئادەم بۇغرا قاراخاننىڭ جاندارى ئىدى. ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ، يۈرىكىم ئاغزىمغا كېلىپ قالدى. زۇۋان سۈرەلمىدىم، جاندار: «تاج كىيىپ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا بۇغراخان بولغان ھۈسەيىن ئارسلانخان بەگ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. شاراب ئىچىپ ئولتۇرۇپ مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ، ھۈسەيىن ئارسلانخانمۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ يېتىپ قېلىشتى. قاپۇغچى بېشى دوقاقبەگ ئۇلارنىڭ چىكىسىنى تۇتۇپ، كۆز قارىچىغا قاراپ: <ئەلھۆكمۇلىللا، جان ئۈزۈپتۇ> دېمىسمۇ، ئەندىشەم ئۇچۇپ قىلىچىمنى سۇغاردىم. ئىبراھىم تېگىن: <ئاتامغا، ئاكامغا قەست قىلىپ زەھەر بېرىپتۇ، ئاسىيلارنى جازالاش كېرەك>، دەپ جار سالدى. شۇنىڭ بىلەن قەيسەربەگ، دوقاقبەگلەر قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، بىر قانچە يۇغۇرۇش، ھاجىپلارنى چېپىپ تاشلىدى. مۇڭسۇزبەگ، ھوشۇربەگلەرمۇ ياساۋۇل - نۆكەرلىرى ۋە يەنە بىر مۇنچە كىشىلەر بىلەن چاپ - چاپقا كىرىشتى. مەن قورقۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن قاچقىنىمچە قەسرلەرگە كىرىپ
قالغىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن. كۆچۈرگەيلا ئالىيلىرى» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قېلىپ تۇرۇپ قالدىم. جاندار گەپنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ: «خانىش ئالىيلىرى، ئىبراھىم تېگىن خاقاننى، ۋەلىئەھدنى ئۆلتۈرۈپ تەختنى تارتىۋالدى. ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئوردىنى قانغا بوياۋاتىدۇ. بۇ يەردىن تېز كەتسىلە ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىلا» دېدى. تاشقىرىدىن يۈگۈرۈپ كىرگەن مۇلازىم ئاغۋات: «كۈمۈش تارىم، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالسىلا، ئالتۇن تارىم قۇماربېكەنىڭ كېنىزەكلىرى قىلىچ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاندارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى. قاراپ تۇرسام بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. «جاندار، سىز ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئېلىپ تۇرۇڭ، مەن ئۇ كۈندىشىم بىلەن ئېلىشىمەن» دەپ، ئاغۋات، كېنىزەكلىرىمنى، قىلىچ، نەيزە بىلەن قوراللاندۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدۇم. ئۆزۈممۇ دۇبۇلغا - ساۋۇتۇمنى كىيىپ، قىلىچ، ئوقيا-ياقنى ئېلىپ قەسىر ھويلىسىغا چىقسام، ئۈچ ئاغۋات، ئون بىر كېنىزەكمۇ قوراللىنىپ تېخ بولۇپ تۇرۇپتۇ. «ھوشيار تۇرۇڭلار، ئەگەر سۈيقەستچىلەر قەسىرىمگە باستۇرۇپ كىرسە، جان تىكىپ ئېلىشىڭلار، ھەرگىز بوش كەلمەڭلار!» دەپ قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغاردىم. جاندار: «خانىش سىز ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيسىز، ئۆلمەي دېسىڭىز ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئېلىشىڭىز كېرەك» دېدى. مەن: «قورققانغا قوش كۆرۈنەر» دەپتىكەن. مەن بۇ دەمگىچە قۇماربېكە بىلەن تىغ كۆتۈرۈشمەي يوشۇرۇن ئۆچ-ئاداۋەت قىلىشىپ كەلگەنىدىم. مانا بۈگۈن ئاشكارا قىلىچ كۆتۈرۈپ كەلسە، مەنۇ قىلىچ بىلەن كۈتۈۋالىمەن. مەندىن غەم يېمەي ئۆزىڭىزگە ئاگاھ بولۇڭ!» دەپ، ئاغۋاتلارغا قەسىر ئىشىكىنى ئېچىپ قويۇشنى بۇيرۇدۇم. كۈندىشىم ئالدىدا ئىشىكنى ئېتىپ قويۇپ يوشۇرۇنۇۋېلىشنى خالىمىدىم. ئارىلىق - چۆرۈك، قىيا - چىيا قەسىرىمگە يېقىنلاشتى. قوللىرىغا قىلىچ، نەيزە ئالغان بىر توپ ئاغۋات، كېنىزەكلىەر ئىشىك ئالدىدا
توختاشتى. ئۇلار ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەن كەلگەچكە، بىزنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ قېلىشتى. ئىشىك تاقاقلىق، چىقىپ، ئۆرۈپ كىرىمىز، دەپ ئويلاشقان بولسا كېرەك، داغدام ئوچۇق ئىشىكتىن باستۇرۇپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. «نېمىدەپ كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدىم ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قۇماربىكەنى ئىزدەپ. «ئالتۇن تەرىم قۇماربىكە تۈركەن خاتۇن سېنى كېلىپ خىزمىتىنى قىلسۇن، دەيدۇ، بىز بىلەن يۈر!» دېمەسمۇ. ئاچچىقىمدا گەپ قىلغان كېنىزەكنى ئىككى كاچات سېلىپ: «بىكەڭگە ئېيت، ئۇ ئالتۇن تەرىم بولۇشقا لايىق ئەمەس، تۈركەن خاتۇن بولۇشقا تېخىمۇ لايىق ئەمەس! ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ كىرىمنى يۇيىدىغان دېدەك بولسۇن» دېيىشىمگە، ئۇلار مېنى قىلىچ بىلەن چاپماقچى بولۇشتى، ئەسلىدە ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈشكە كەپتىكەن. قۇماربىكەنىڭ كەلگىنىدىن ئەپسۇسلانغان ھالدا ئىككىسىنى قىلىچ ئۇرۇپ يىقىتتىم. ئاغۋات، كېنىزەكلىرىممۇ بېسىپ كىرمەكچى بولغان قۇماربىكەنىڭ چاكارلىرى بىلەن قىلىچلىشىپ كەتتى. ئۇلاردىن ئىككى ئاغۋات، تۆت كېنىزەك يىقىلدى. ئىككىسىنى تۇتۇۋېلىپ باغلىۋەتتۇق، قالغانلىرى قېچىشتى. بېشىم قايغاندەك بولدى. شۇ چاغدا مۆرەمدىن قان تامچىلاۋاتقىنىغا كۆزۈم چۈشتى، تاغاقمۇغا قىلىچ تەگكەنكەن، كېنىزەكلىرىم كېلىپ تاڭدى. ئەمدى بۇ يەردە تۇرۇش رەسمى بولمايتتى. ئودۇننىڭ پاتلىق قەغىزىگە يۇغان قىلىپ: «سەندەك ئابىنچۇ خاتۇن بىلەن كۆرۈشۈشكە ھازىر ۋاقتىم يوق. بېلىپ قوي، مەن ئالدىڭدا كۈتمىگەن چاغدا پەيدا بولىمەن!» دەپ يېزىپ، باغلاپ قويۇلغان ئەسىرگە چىشلىتىپ قويدۇم. ئاغۋات، كېنىزەكلىرىم بىلەن يۈزلىرىمىزگە نىقاب تارتىپ قەسىردىن چىقتىم. شامالدەك تېز يۈرۈپ، قارائۇل قويۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ھەرەم ئىشىكىدىن ئۆتتۇق. ئوردا ئىچى بىر جەڭگاھقا ئايلانغانىدى. ھەممە ياقتا گۈلدۈر - گالاپ، پاتىپاراتچىلىق، بىر - بىرى بىلەن
قىلىچلىشىۋاتقان نۆكەر، ياساۋۇللار، يۈزلىرىگە نىقاب تارتقان يوشۇرۇن كىشىلەر … بىز قىلىچ - نەيزىلىرىمىزنى كۆتۈرگەن ھالدا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئوردىدىن چىقتۇق. ھەممە ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ قالغاچقا بىزگە دىققەت قىلمىدى. يولدا ماڭغۇچە خېلىلا ھالسىزلىنىپ قالدىم. كېنىزەكلىرىم مېنى بۇ ھالدا كۆرۈپ پايپېتەك بولۇپ كېتىشتى. «توختىماي مېڭىڭلار !» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. تاغىقىم قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى، قان توختىماي چىقىپ تۇراتتى. ئوردىدا سادىر بولغان قانلىق پاجىئە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. كىشىلەر بىزگە ئەجەبلىنىپ قاراپ قېلىشتى. ئاغۋات، كېنىزەكلىرىم سول قول يېڭىم ئۈستىدىن ئېقىۋاتقان قاننى كۆرۈشۈپ: «ۋاي خۇدايىم، يارىلىنىپلا ئەمسۇ خانىش. باياتىن قورقۇنچىلىقتا دىققەت قىلماپتۇق. ھازىرلا ئاتاساغۇن دىلداربەكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارايلى» دېيىشىپ، مېنى يۆلەپ مېڭىشتى. يولدا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى. بىزنى نۆكەر، دەپ قېلىشتىمۇ، ئادەملەر ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشىپ، گەپ - سۆز قىلىشمىدى. ئاغۋات، كېنىزەكلىرىم بىر قانچە كوچىلاردىن ئۆتۈپ بوستانلىق تۆمەن دەرياسى بويىدىكى دىلدار ئاغىچا خېنىمنىڭ قورۇسىغا ئېلىپ باردى.
ئاتاساغۇن دىلداربەك مېنى تونۇپ ئىچكىرى ھويلىدىكى كېسەل داۋالايدىغان خانىغا ياتقۇزدى. گەپمۇ سورىماي يارامنى كۆردى، دورا سۈرتۈپ ئاۋايلاپ تېڭىپ قويدى. «قان كۆپ چىقىپ كېتىپتۇ، خانىش، سۆڭەكمۇ زەخمىلەنگەنكەن. بىر نەچچە كۈن مەشەدە يېتىپ داۋالانمىسلا بولمايدۇ» دەپ مېنى ئېلىپ قالدى. ئوردىدا يۈز بەرگەن پاجىئەنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ: «خاۋاتىرلەنمىسلا خانىش ئالىيلىرى، بۇ جاي ناھايىتى بىخەتەر. ئاغۋات، كېنىزەكلىرىمۇ مۇشۇ يەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۆز پاناھىدا
371
ساقلايدۇ» دەپ، ئۇلارنى بىر قانچە بۆلەككە ئايرىپ، كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن قىلىپ يېنىغا ئەكىلىۋالدى. دۇنيادا بۇنداق ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، غەمخان ئايال ئاز تېپىلسا كېرەك. بىر كۈنى ئۇ: «خانىش، سىلىگە بۇ ئايال ھەمراھ بولسۇن، ئۇنىڭدىن قارا نىيەت قەيسەربەگنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ قېتىمقى پاجىئەنى سادىر قىلغان سۈيقەستچىلەرنىڭ رەزىل مەقسىتىنى بىلىپ قويىسىلا» دەپ قارا تەنلىك زىلۋا بىر چوكاننى ماڭا ھەمراھ قىلىپ قويدى. ئۇ قەيسەربەگنىڭ ئەھۋالىنى، سالغان زۇلمىنى سۆزلەپ بەردى. شۇندىلا مەن يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگنىڭ بۇ قېتىمقى ئوردا پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان قارا نىيەت ئاسىي ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ توغرۇلۇق ئاتاساغۇن دىلدار ئاغىچا خېنىممۇ، بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەھۋالدىن ۋاقىپلانغانلىقىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانمۇ، ئۆزىنى قەيسەربەگ دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ بوزاغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم، — خانىش سۆزىنى توختىتىپ كۆز يېشىنى سۈرتۈۋالدى. بەگىيۈسۈپ «مايمۇنە بىلەنمۇ كۆرۈشۈپتىكەن - دە ! دىلداربىكە نېمىدىگەن خىسلەتلىك قىز، كۆپ ئىشلار ئۇنىڭ بىلەن سىرلىق ھالدا باغلانغان …» دەپ ئويلاپ قالدى. خانىش سۆزىنى داۋام قىلدى، — قارا تەنلىك ئايال بىر كۈنى ئەتەگەندە كىرىپ: «مەن ئانا يۇرتۇمغا كېتىدىغان بولدۇم، خانىش» دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. خۇددى سىڭلىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك مەيۈسلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ قارا بولغان بىلەن كۆڭلى شۇنچە ئاق ئىكەن. ئۇنىڭ ۋەتەنى يەمەن ئىكەن. ئۇ كەتكەندىن كېيىن پېقىرنىڭ كۆڭلىدىمۇ بىر ئوي پەيدا بولدى: «بۇ يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ گۆر ئازابىنى تارتىقۇچە، قوزغۇنئوردا ياكى سەمەرقەنتكە كېتىپ، پەيتى كەلگەندە قىساس ئالمايمەنمۇ؟» مەن بۇ خىيالىمنى دىلدار ئاغىچا خېنىمغا ئېيتتىم. ئۇ «خانىش، يارىلىرى ساقايسۇن، ئاندىن مەسلىھەتلىشەيلى» دېدى. ئۇ يەنە
372
بوزاغۇنىڭ يۇغرۇش بېشى، دوقاقبەگنىڭ ھاجىبۇل ھوججاپ، ھوشۇربەگنىڭ قاپۇغچى بېشى، مۆڭسۈزبەگنىڭ جاندارلار بېشى بولغانلىقى، ئون تۆت يۇغرۇش، ئون بىر ھاجىپ، توققۇز سۇباشىنىڭ تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى جاكار توغرۇلۇقمۇ ئېيتىپ بەردى. «قۇماربەككە مەقسەتكە يېتىپتۇ، قارلۇقلار ھوقۇق ئىگىلەپتۇ» دەپ مەيۈسلىنىپ قالدىم. ئۇ «ئۈمىدسىزلەنمەسلىك خانىش، ئىبراھىم تېگىن تەختتە ئۇزاق ئولتۇرالمايدۇ، قۇماربەككەنىڭ شېرىن چۈشى بەربات بولىدۇ» دەپ تەسەللى بەردى. شۇنىڭ بىلەن روھلىنىپ قالدىم. قوزغۇلانغا كېتىش ئىشتىياقىم كۈچەيدى. دىلدار ئاغىچا ھەر ئاخشام دېگۈدەك ئوردىدەك نەتتە بولۇۋاتقان گەپ - سۆزلەر، تۇتقۇن قىلىشلار توغرىلۇق سۆزلەپ بېرەتتى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن كېنىزەكلىرىم بىلەن ھال - مۇڭ بولۇپ ئولتۇراتتىم. دىلدار ئاغىچا كىرىپ بۇغراخان نامىدىن مېنى تۇتۇش بۇيرۇقى جاكارلانغانلىقىنى، قۇماربەككە، بوزاغۇنىڭ ئادەملىرى كوچىمۇكوچا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ئۆيلەرنى ئاختۇرۇۋاتقانلىقىنى، قەشقەردىكى بىر قىسىم مۆتىۋەرلەرنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ئوردا ئاغزىغا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ: «خانىش، خەۋپ ئىچىدە تۇرىمىز، ئالدىدا چۆرىگۈلەپ يۈرىدۇ. ئالىيلىرىنى قوزغۇلانغا يولغا سالمىساق بولمىغۇدەك. خۇدا بۇيرۇسا، ئەتە بازار كۈنى شەھەرگە كىرىپ - چىقىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. قىشلاقتىن كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن تارىقچى سىياقىدا كىيىنىپ ئىشىكتىن چىقىسلا. بۇ قورۇ سېپىلىنىڭ سىرتىدا بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مال بازىرىغا يېقىن بولغاچقا، ھەربىيلەردىن كۆزەت قىلىۋاتقان ياساۋۇل - نۆكەرلەر گۇمان قىلمايدۇ. پېقىرە بىلەن قوزغۇلانغا بىللە بارغان شاگىرتىم سىلەرگە يول باشلىغۇچى بولىدۇ» دېدى. كېچىچە مۆكۈنۈپ چىقتۇق.
ئەتىسى ئەتىگەن بامدات نامىزىنى ئۆتەپ، ئالادىن
373
قوزغۇردۇغا سالامەت يەتكۈزۈشنى تىلەپ تاماكقا ئولتۇردۇق. ھەممىمىز تارىخچى خوتۇنلاردەك شاتۇتادىن تىكىلگەن ئوزۇن كۆكرەك پۈرمە كۆڭلەك، ئىزملىك كەمزۇل، قوزا تېرىسىدىن تىكىلگەن تۇماق كىيىۋالدۇق. بۇ كىيىملەرنى دىلداربىكە ئاغىچا تەييارلاپ قويغانىكەن. ئۇ تۇرقىمىزغا قاراپ باش لىڭشىتىپ: «ھېچكىم سىلەرنى خانىش، كېنىزەكەلەر ئىكەن دېمەيدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار» دەپ بېئارام بولۇۋاتقان كۆڭلىمىزنى تىندۇردى. دۇئا قىلىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇۋاتاتتۇق، بىر دەھشەت يۈگۈرۈپ كىرىپ: «ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، ئوردىدىن بىر بېگىم كەلگەندەكەن، ياساۋۇللىرى بىلەن تاشقىرىقى ھويلىدا قالدى، ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشسەم دەيدۇ. ئەلپازى بەك يامان» دېمەسمۇ، يۈرىكىم قارتىلدە قىلىپ، ۋۇجۇدۇم مۇزلاپ كەتتى. دىلدار ئاغىچا: «خانىش، كېنىزەكلىرى بىلەن كۆكتات قورۇسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشسۇلا، مەن قاراپ باقاي» دەپ چىقىپ كەتتى. چىراغ كۆتۈرگەن دەھشەت باشلىشىدا، ھويلىنىڭ ئىچكىرى بۆلۈكىدىكى كۆكتات قورۇسىغا چۈشۈپ يوشۇرۇندۇق. قورا ناھايىتى سۈرۈن ئىدى. پىلىلداپ يانغان چىراغ ئورنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى. ئىچىمگە بىر قورقۇنچ چۈشۈپ، لام - جىم دېمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم. ھېلى ئورۇنغا قۇماربىكىنىڭ كاللىكەسلىرى باستۇرۇپ كىرىدىغاندەك، ئەمدى ساقايغان تاغىقىمغا نەيزە سانجىيدىغاندەك … بەدىنىمنى سوغۇق تەر باستى. ئادەم ئاجايىپ بولىدىكەن. بەزى چاغلاردا ئۆلۈم كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، پىسەنتكە ئالماي باتۇرلىشىپ كېتىدىكەن. بەزى ھاللاردا يوق ئۆلۈمدىن ۋەھىمە يەپ كىرگىلى كامار تاپالماي قالىدىكەن. ئوردىدىكى چېغىمدا دۈشمەنلىرىم قىلىچ تەڭلەپ تۇرسىمۇ قورقمىغانىدىم. مانا ئەمدى قولغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ، دەپ تىترەپ ئولتۇراتتىم. شۇ ھالدا يېرىم سائەت ئۆتتىمۇ، بىر سائەت ئۆتتىمۇ، ماڭا ناھايىتى ئۇزاق بىلىندى. تاقىتىم تاق بولۇپ ئورۇننىڭ بىر قاناتلىق ئىشىكىگە تەلمۈرۈپ تۇرسام،
ئىشىك غىچ قىلىپ ئېچىلىپ، دىلدار ئاغزىچە كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەلدى. يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇچاقلىۋالدىم. ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى. «خانىش، كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، خەۋپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ كەلگەن قان ئىچەر جاللات مۆڭگۈزبەگ ئىكەن. ئاتاساغۇن خېنىم، ئۆزلىرىنى زىيارەت قىلاي دەپ كېلىپ قالدىم، ئۆيلىرىگە باشلىماملا» دېدى. بۇ سۆزنى قىلغان تىللىرىنى سۇغۇرۇۋالغۇم كېلىپ، «كەلسىلە - كەلسىلە» دەپ تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئايۋانىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ ئولتۇرغان بىر قانچە يەرگە سېپىلىپ: «بەگ ئاكىلىرىنى دورا بىلەن مېھمان قىلاملا؟» دېدى. مەن مەنىلىك قىلىپ: «سىلى ئادەمنى كۆپ ئۆلتۈرۈپ چارچاپ كەتكەندەك قىلىدىلا، ئارامى ھەببى شىپا① بولغان تىللا بىلەن مېھمان قىلاي دېمەن، مەنزۇر بولارمىكىن» دەپ بىر خالتىغا ئېلىپ قويغان يۈز تىللانى تۇتقۇزۇپ قويدۇم. «كۆڭلۈمدىكىنى تاپقان ئوردۇكەنتتىكى بىرىنچى دىلرەبا ئۆزلىرى خېنىم، مېنى غايەت خوش قىلىۋەتتىلا» دېدى ھەشقاللا ئېيتىپ. مەن: «سىلى بۇنداق دېگەن بىلەن، قەيسەربەگنىڭ ياساۋۇللىرى نەچچە قېتىم كېلىپ، ئۆيلىرىمنى ئاختۇرۇپ قالايمىقان قىلىۋەتتى، كېسەللىرىنى قورقۇتۇۋەتتى، بەك خاپا بولدۇم. سىلى ئۇلارغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسىلىكىن» دېدىم. «خاتىرجەم بولسىلا، ئاتاساغۇن خېنىم، ئەمدى ئۇلار بوسۇغىلىرىغا ھەرگىز ئاياغ باسمايدۇ» دەپ كېتىپ قالدى. بۇ دۇنيادىكى قانخورلارنى ئالتۇن - تىللا باش ئەگدۈرىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئاچ كۆزلۈك گۆرىنى قازغۇچى گۆركاردۇر. «ئەمدى ھەرىپلىرىنى ئۆزىتىپ قوياي» دېدى. ھەممىمىز ئوردىدىن ھويلىغا چىقتۇق. ئۈچ ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، يەتتە ئاتلىق غۇلامنىڭ ھەمراھلىقىدا يولغا چۈشتۇق. خۇدا ساقلاپ ھېچكىم بىزگە كاشىلا قىلمىدى. بىر ئاي
① ئارامى ھەببى شىپا — ئارام بېغىشلىغۇچى شىپالىق دورا.
يول يۈرۈپ ئوچقا باردۇق. ئۇ يەردىمۇ ئۆزىمىزنى پىنهان تۇتۇپ، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بەرمىدۇق. بەدەئەرت داۋىنىغا بارغاندا تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنىڭ قورۇسىغا چۈشتۇق. تولىمۇ ئوبدان ئادەم ئىكەن. بىزدىن گەپمۇ سورىمىدى. «قوزغۇردۇغا بېرىپ قالساڭلار بۈگۈ بىلگە بەگيۈسۈپ جاناپلىرىغا سالامىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار» دەپ تاپىلىدى. بىز ھەر ئېھتىمالغا قارشى تارىقچىلارنىڭكىدەك كىيىملىرىمىزنى سېلىۋېتىپ دۆبۈلگە - ساۋۇت كىيىۋالدۇق. ئاقساقال ئۆزى يول باشلاپ داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يولىمىزدىمۇ بىرەر پېشكەللىككە ئۇچرىمىدۇق. ئاللانىڭ پاناھىدا سالامەت قوزغۇردۇغا كېلىپ، مانا ھەربىرىلىرى بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ ئولتۇرۇپتىمىز، — خانىش قىلىپچان ئاغچا سۆزىنى تۈگىتىپ ئېغىر تىن ئالدى.
— خانىش ئالىيلىرى، ئوردىدا پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۈگۈ بىلگە مەھمۇد تېگىن ھەزرەتلىرى توغرۇلۇق بىرەر خەۋەر ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ — سورىدى بەگيۈسۈپ خانىشنىڭ بىرەر قېتىممۇ مەھمۇد تېگىننى ئېغىزىغا ئالمىغىنىدىن كۆڭلى ئۆيۈلگەن ھالدا.
— دىلدار ئاغچىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمدا، — دېدى خانىش يىغلامسىراپ، — ئۇنىڭدىن، مەھمۇد تېگىن ھەم ئۇنىڭ ئانىسى بۈۋىرابىيە بىلگە خاتۇن① نىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغىنىنى، بوزاغۇ ئوپالغا ئەۋەتىلگەن مۆھسۈز ۋە ئۇنىڭ قانخور ياساۋۇل - نۆكەرلىرىنىڭ ئازىق داراسى، سۇلتانباغدا تۇرۇۋاتقان خانىش، مەلىكە، شاھزادىلەرنى قىرغىن قىلغىنىنى ئاڭلىۋىدىم، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەھمۇد تېگىننىڭ رەپىقىسى چولپانئاي بىكە بىلەن كىچىك بالىسىمۇ بار ئىكەن. بايا ھەربىرىلەرنى مالال قىلماي دەپ بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىغانىدىم.
① بىلگە خاتۇن — بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق ئايال.
يائاللا! نېمىدىگەن ۋەھشىلىك بۇ؟! ھەسرەت نادامەت بىلەن ساقىلىنى سىيپىدى بەگىيۈسۈپ. ۋۇجۇدى لۆرزىگە كەلگەن ئەبۇ ھەسەن ئېبلىكخان يورۇكى ئاسىقىپ سورىدى: مەرھۇم بۇغراخان ئاتامنىڭ بۈۋىپاتىمە، گۈلجاھان ئىسىملىك خانىشلىرى بالىلىرى بىلەن بىللە كۆپ ۋاقىتلاردا ئوپالدا تۇراتتى. ئۇلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈپتىمۇ؟ ھەئە، بېشىنى ئەگدى خانىش، موڭغۇل دېگەن قان ئىچەر جاللاتنىڭ سىبىي گۆدەكلەرگىمۇ رەھىم قىلمىغىنىنى دىلدار ئاغىچا سۆزلەپ بېرىپ يىغلاپ كەتكەندى. دۆلەتباغدا تۇرۇۋاتقان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خوتۇنلىرى ئەردەنى تۈرگەن خاتۇن، ئالتۇن تەرىم ئايىبكە ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ موڭغۇزبەگ دېگەن جاللات چېپىپ تاشلاپتۇ. بۇ قانخورلۇق ئوردىكەنت ئەھلىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئوخشايدۇ، خانىش ئېچ ئېچىدىن ئېتىلىپ چىققان ياشنى توختىتالماي قالدى. يەردىن باش كۆتۈرمەي ئۆلتۈرگەن سۈمەنبەر ئالتۇن تەرىممۇ «ئىسسىت ئىسسىت! …» دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ يىغىسىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۈرە «تابارەك» نى تىلاۋەت قىلدى. يىغلاۋاتقانلار ياشلىرىنى سۈرتۈشتى. مەرھۇملارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشقاندىن بەگىيۈسۈپنىڭ كۆز ئالدىغا قان ئىچەر جاللات موڭغۇزبەگ كېلىپ چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى. ھاجىپ، ئەمدى تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن، نېمىدىگەن رەھىمسىزلىك بۇ! دەسلەپ ئوردىكەنتكە لەشكەر تارتىپ بېرىپ، قانخور ئاسىيلارنى جازالىمىسام، بۇغراخان جەمەتىگە، قاراخانىيلار ئېلىگە، ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز، يىگىرمە تۇت
① دۆلەتباغ سېيىت ئەلى ئارسلانخان بىنا قىلغان باغ بولۇپ، كېيىن شۇ قىشلاقنىڭ نامىمۇ دۆلەتباغ دەپ ئاتالغان.
377
قەبىلە ئەھلىگە يۈز كېلەلمىگۈدەكمەن. ئەستەغپۇرۇللا! دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخاننى بەگىيۈسۈپ ئولتۇرغۇزۇۋالدى.
ئالىيلىرى، ئۆزلىرىنى بېسىۋالسلا، قارا نىيەت ئاسىي سۇيىقەستچىلەرنىڭ بۇ رەھىمسىزلىكى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلارنىڭ بوينىغا سىرتماق بولىدۇ. سەۋر قىلسلا، ئوردۇكەنتكە ئالدىراپ يۈرۈش قىلىش ئىبراھىم بۆرە تەگكەنگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. ئوردۇكەنتتىكى ئاسىي سۇيىقەستچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويىدۇ. تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە كۆپ تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن بىر قارارغا كەلدۇق ئەمەسمۇ؟ يىقىر ئاۋۋال بۆرە ئىنىغا كىرىپ ئۆنىڭ ساغرىسىنى سىلاپ باقاي. قۇيرۇقىنى تۇتقۇزامدۇ، يوق؟ بۇنى بىلىپ، ئۆنى بالاساغۇن دىيارىغا ئاياغ باسقۇزمايدىغان قىلىپ سۈلھى تۈزۈپ كېلەي. ئونىڭغىچە ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ تۇرغايلا.
بەگىيۈسۈپنىڭ ئىشەنچكە تولغان سۆزى ئېلىكخاننى بېسىققا چۈشۈردى.
مەن پەقەت چىدىيالماي قالدىم، ھاجىپ. ئۇ ئاسىي خونىخورلارنى ئۆمرۈمدە بىر جازالىمىسام كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ. ماقۇل، ئاۋۋال سەپەرگەنتكە بېرىپ كېلىڭ، ئاندىن تەخىرسىز ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ باراي! دېدى ئۇ بوغۇلۇپ.
خانىش ئالىيلىرى، ئۆزلىرى تىلغا ئالغان قارا تەنلىك ئايال ھازىر يىقىرەنىڭ ئۆيىدە. خالىسلا ئۇ كېلىپ سىلى بىلەن كۆرۈشسۇن. ئەمدى مەن ماڭاي، بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن قوپتى.
مايمۇنە جاناپلىرىنىڭ ئۆيىدىمۇ؟ ئۇ قوزۇردۇغا كەلگەن ئىكەن دە؟ ئۆنى يەنە كۆرمەنمۇ، دەپ ئويلىغانتىم، تەزىرەم كۆرۈشتۈرىدىغان بولدى، خانىشمۇ قوپتى.
ئېلىزادەگ چاقىرىپ كەلگەن بۆۈنئايىشە يان ئۆيدە ساقلاپ تۇراتتى، ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆزاپ ماڭغانلىقىنى بىلىپ ئالدىغا چىقتى. خانىش قىلىچخان ئاغىچا بېگىم بىلەن كۆرۈشتى. ئېلىكخانغا تەزىم قىلدى. ئاتىسىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئوردا
ئالدىغا چىقتى. ئېلىكخان بىلەن خوشلاشقان بەگىيۈسۈپ: — خانىش ئالىيلىرىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىسلا بالام، — دەپ تاپىلىدى ئامراق قىزىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىماي. — خوش، ئاتا، خۇداغا ئامانەت، ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا، — بۇۋىنايىشە يىگىچە ئېگىلىپ خوشلاشتى. بەگىيۈسۈپ تەييار بولۇپ تۇرغان سەپەرداشلىرىغا شەھەر سىرتىدا كۈتۈپ تۇرۇشنى تاپىلاپ قويۇپ ئۆيىگە كەلدى. قىزتۇرمىش بىلەن مۆكۈشۈپ ئولتۇرغان مايمۇنە ئۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. — بۈگۈ بەلگە ئاغا، تېخىچە ماڭماپتىلىغۇ؟ — دەپ سورىدى. بەگىيۈسۈپ قەشقەردىن خانىش قىلىپخان ئاغىچا بېگىمنىڭ كەلگىنىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ، ۋاقتىدا يولغا چىقالمىغانلىقىنى، خانىشنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈسى بارلىقىنى، ھەمراھلىرىنى توختىتىپ قويۇپ كەلگىنىنى ئېيتىپ بەردى، مايمۇنە: — تەڭرىم دۇئايىمنى ئىجابەت قىپتۇ، بۈگۈ بەلگە ئاغا. ئۆزلىرى بىلەن بىللە يولغا چىقمىغىنىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلغىنىمنى قىزتۇرمىش ئاپامغا دەپ ئولتۇراتتىم. ئەجەب ئوبدان كەلدىلە، بۈگۈ بەلگە ئاغا، بۇ يۈرەك سۆزۈم. بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى، دەپ ئاتىماي بۈگۈ بەلگە ئاغا دېيىشىممۇ ئۆزلىرىنى بىر تۇغقان قېرىندىشىمدەك يېقىن كۆرگەنلىكىمنىڭ ئىپادىسى. تەڭرىم پېقىر ئۈچۈن سىلىنى كەينىلىرىگە ياندۇرۇپتۇ. ئەمدى مېنىمۇ ئېلىپ كەتسىلە، سەمەرقەنتتىن يۇرتۇمغا يولغا سېلىپ قويسىلىرى، تىلىكىم يەردە قالمىغان، بىچارە ئاتا — ئانام ئارزۇسىغا يەتكەن بولاتتى، — دەپ يىغلىۋالدى. — راست، سىزنى دەپ كەينىمگە يانغان ئوخشايمەن، — دېدى بەگىيۈسۈپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ. ئۇ مايمۇنەنى ئېلىپ ئورداغا يەنە باردى. خانىش بىلەن كۆرۈشتۈردى. خانىش ئۇنىڭغا كۈمۈش ساپلىق قىلىچ بىلەن ئالتۇن تاجىنى يوللۇق تۇتتى. بەگىيۈسۈپ كۈن قىيام بولغاندا بۇ قارا تەنلىك مۇساپىر بىلەن بىللە بۆرە ئىنىغا يۈرۈپ كەتتى.
ئون ئۈچىنچى باب: بۆرىگە كىرىش
1
ئاق قوشقاچ ئۈجمە تاشلىغان باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى. ئىسسىق كۈچىيىشكە نىسبەت غۇر - غۇر سالقىننى يوقىتىپ ياۋاشلىغان مەيىن شامال چېچەكلىرى ئاللىقاچان چۈشۈپ غورا بولغان ئۈرۈك، شاپتۇل، ئالما، ئامۇت دەرەخلىرىنى ئىرغاشتۇرمىسىمۇ، شاخلاردا چاڭىلداپ سايراۋاتقان بۇلبۇل، تورغايلارنىڭ پەيلىرىنى تاراتتى. رەڭگارەڭ گۈل - گىياھلارنى يەلپۈندۈرەتتى. ئاجايىپ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك گۈمبەز، پەشتاقلارنىڭ يېشىل كاشىلىرىغا قونغان چاڭ - توزانلارنى سۈرتەتتى. ئوردا، مەدرىسە، مەسچىتلەرنىڭ ئېگىز مۇنارلىرىنى سىپايەتتى. بۇ مەيىن، يېقىملىق شامال كوچا، بازارلاردا كېتىۋاتقان، دۇكان، چايخانا، دۇقمۇشلاردا ئولتۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ يۈز - بويۇنلىرىنى سىلاپ ھۇزۇر بېغىشلايتتى. پېشايۋان، كۆل بويلىرىدا ئولتۇرۇپ كەشتە توقۇۋاتقان، كىتاب ئوقۇۋاتقان، ئوسما قويۇۋاتقان قىز، كېلىنلەرنىڭ چىپكە چاچلىرىنى ئۇچۇرتۇپ ئوينىتاتتى.
سەمەرقەندنىڭ مانا شۇنداق ئىسسىق كۈندە يېتىپ كەلگەن بەگيۈسۈپ خەۋەر بەرمەيلا ئاۋات رەستە، مەھەللىلەردىن ئۆتۈپ، بۇ شەھەر ئەزىمىنىڭ ئەڭ مەنزىرىلىك يېرىدە قەد كۆتۈرگەن تامغاچ بۇغراخان ئوردىسىغا يېقىنلاشتى. ئىككى قاناتلىق بۆرىنىڭ سۈرىتى نەقىشلەنگەن دەرۋازا داغدام ئوچۇق ئىدى.
كۆڭگۈرلۈك ئېگىز ئوردا سېپىلى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. سېپىل بويلاپ قېزىلغان خەندەكتە لىق سۇ بار ئىدى. ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندىلا ئوردا دەرۋازىسىغا كىرگىلى بولاتتى. بەگىيۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز نەپەر ھەمراھى ئاشۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ توختىدى.
ئىككى قاراۋۇل ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىدا سۈرلۈك تۇراتتى. بېشىدا قالپاقسىمان قىرلىق بۆك، ئۈستىدە جىگەر رەڭ سىدام رەختتىن تىكىلگەن كەمزۇل، پۇتلىرىدا ئۆتۈك بار ئىدى. بەللىرىگە كەمەر باغلاپ قىلىچ ئېسىۋالغانىدى. بىرىسى ئۇزۇن ساپلىق نەيزە، بىرىسى گۈرزە تۇتقانىدى.
بەگىيۈسۈپ قاراۋۇللارغا يېقىنلاپ سالام بەردى ۋە تامغاچ بۇغراخان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بالاساغۇندىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
نەيزە تۇتقان قاراۋۇل جايىدىن قىمىرلىماي:
— ھاي قورۇقچى بېشى! — دەپ ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك توۋلىدى.
ئېگىز بويلۇق، بىر كۆزى قىسىق، قىلىچ ئېسىۋالغان شاپ بۇرۇت ئادەم دەرۋازا پېشتىقىدىن چۈشۈپ دەرۋازىدىن چىقتى.
— نېمە گەپ، قاراۋۇل؟
— بالاساغۇندىن يالۋاچ كەپتۇ.
— يالۋاچ؟
قورۇقچى بېشى قارا ساقال، مىسىرنىڭ يۇڭلۇق شايىسىدىن تون كىيىپ، سېلىسگە كۈمۈش ئوتۇغات قادالغان خوش چىراي كىشىگە قاراپ، ئەيمەنگەن ھالدا قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
— تامغاچ بۇغراخانغا نېمىدەپ مەلۇم قىلىمەن، جاناپلىرى؟
— ھاجىپ بەگىيۈسۈپ سالامغا كەپتۇ، دېگەيسىز، قورۇقچى بېشى.
— مالال كۆرمەي كۈتۈپ تۇرۇشسىلا، — قورۇقچى بېشى ئوردا دەرۋازىسىغا كىرىپ كەتتى.
ئون بەش مىنۇتتىن كېيىن بىر توپ كىشى ئوردىدىن چىقىپ كەلدى. ئالدىدا ماڭغىنى تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئىدى. تىغ تەگمىگەن قاپقارا ساقىلى ئالتۇن تۈگمىلىك شايى تون يېپىپ تۇرغان كۆكرىكىنى قاپلىغانىدى. كۆك كۆزلىرىدىن ئۇچقۇن چاچراپ تۇراتتى. قارا قاشلىرى شۇنداق ئۆسكەنكى، قارلىغاچ قاناتىدەك بۇرۇتلىرى ساقىلىغا قوشۇلۇپ كەتكەندەك.
«يېشى چوڭايغانسېرى سۈرلۈك بولۇپ كېتىپتۇ» دەپ ئويلىغان بەگتۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ تەزىم قىلدى.
— تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك دىدارىغا يەتكۈزگەن ئاللاھتىن مىننەتدارمەن. قەدەم رەنجى قىلىپ چىقمىسلىرىمۇ ئالدىلىرىغا كىرەتتىم. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ئالىيلىرىنىڭ سوۋغا — سالاملىرىنى ئالدىلىرىدا قويۇپ قوللۇق بىلدۈرەتتىم … — ئۇ غۇلاچ كېرىپ بىر قەدەم باستى.
— بۈگۈ بەگنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان پادىشاھ تەختتە ئۇزاق ئولتۇرالمايدۇ، — ياندىن سۆز قاتتى يۇغرۇش باشى تاجمۇلمۈلۈك. ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدى. يۇغرۇش باشى سۆزىنى داۋام قىلدى، — شۇنچە يىراق يەردىن كەلگەنلىرىدە يەتتە چاقىرىم يەرگىچە ئالدىلىرىغا بېرىپ كۈتۈۋېلىشىمىز زۆرۈر ئىدى. ئەپسۇس، خەۋەر تاپالماپتۇق، — تاجمۇلمۈلۈك چىرايلىق ياساتقان قىرقىما ساقىلىنى سىيپاپ بېشىنى ئەگدى.
ئاۋۋال ئىبراھىم بۆرە تېكىن بەگتۈسۈپ بىلەن قۇچاقلاشتى.
— كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئون نەچچە يىل بوپتۇ، بەگتۈسۈپ، — دېدى ئۇ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن، — ئەمما نامى-شەرىپىڭىزنى ئاڭلاپ تۇردۇم. كۆرۈشكۈم، سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم، بىللە شىكار قىلغۇم كەلدى، ئارىلىق يىراق، ئامال يوق. بايا سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ كىرگەندە ئۆز قۇلىقىمغا ئىشىنەلمەي قالدىم. راستلا كېلىپسىز ئەمسۇ، ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، — دېدى ئۇ.
— رەھمەت ئالىيلىرى، شۇنچە تەمەن، بەھەيۋەت تۇرۇپلا. ئەبو ھەسەن ئېلىكخان ئالىيلىرى كۆپ سالام ئېيتتى، سىلىگە بولغان ئىخلاس — ھۆرمىتى چوققۇر، — دەپ تۇرۇۋىدى، قۇچاق ئېچىپ تاپشۇرمۇشقا كەلدى: — شۇنچە خوشال بولۇۋاتىمەنكى، خۇددى تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى شەھەر ئالغاندا، ئاچقۇنى ماڭا بەرگەندەك ئۆزلىرىنى كۆرۈپ بېشىم ئاسمانغا يەتتى. خوش كېلىپلا، خوش كېلىپلا، قۇتلۇق قەدەملىرىگە مۇبارەك! ئولارمۇ قۇچاقلاشتى. — بەگىيۈسۈپ ئاغا! ئۇ قاراپ، غۇلاچ يېيىپ كېلىۋاتقان ياقۇپ تېگىننى كۆردى. — شاھزادەم! — بەگىيۈسۈپ ئۇنى باغرىغا باستى، — بۇخارادىن قاچان كەلدىلە ئۆكام، مەلىكە ئانىمىز ئامان — ئېسەن تۇرغاندۇ؟ غەيرەت — شۇجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياقۇپ تېگىن دەرھال جاۋاب بەردى: — سەمەرقەنتكە كەلگىنىمگە ئىككى ئاي بولدى. مەلىكە ئاپام بۇخارادا ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ. بىز قۇزغۇردىن ئۆزاپ ماڭغاندا سەمەرقەنتكە چۈشكىنىدۇق. بۆرە تېگىن ئاغام مەشھەدەتۇرۇپ قېلىڭلار، دېگەن بولسىمۇ، ئاپام سىڭلىم بىلەن بۇخاراغا كېتىشنى ماقۇل كۆردى. مەن سەمەرقەنتكە يېنىپ كەلدىم. تامغاچ بۇغراخان ئاغام مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغىن، دەپ جاندارلار بېشى قىلىپ قويدى. — كامال تېپىپتىلا شاھزادەم. ئاكىلىرى ئەبو ھەسەن ئېلىكخان ئاڭلىسا تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. سەمەرقەنتتە يەنە بىر مەزگىل تۇراي دەۋاتامدىلا؟ — شۇنداق، بەگىيۈسۈپ ئاغا، بۇ يەرنى ياق تۇرۇپ قالدىم… ئارقا — ئارقىدىن كۆرۈشكىلى كەلگەن يۇغرۇش، ھاجىپلار ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
بەگىيۈسۈپ ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، يۈز تاي تاۋار - دۇردۇن، كۆچە كۆرپىسى، بولغۇن تېرىسى قاتارلىق ئېسىل نەرسىلەر بىلەن كۈمۈش ساپلىق يۈز خەنجەر - پىچاق، توققۇز جۈپ ئالتۇن جام، توققۇز جۈپ كۈمۈش جام، ئوتتۇز غۇلاچ ئوزۇنلۇقتىكى چۆرىسىگە كەشتە توقۇلغان، ئوتتۇرىسىغا گۈل چىقىرىلغان بىر جۈپ ئاجايىپ نەپىس داستىخاننى ئېلىكخانىمىزنىڭ سوۋغىسى دەپ تامغاچ بۇغراخان بۆرە تېكىننىڭ ئالدىغا قويدى ۋە شاھانە تون كىيگۈزدى. ئونىڭ بېلىگە ئالتۇن كەمەر باغلاپ، كۈمۈشتىن قىلىنغان سېپىغا گۆھەر كۆز قويۇلغان قىلىچنى ئېسىپ قويدى. ئاندىن شەيخۇلئىسلام ئوبۇل خارىس سەمەرقەندى، باش ۋەزىر تاجمۇلك، دوستى، ساۋاقدىشى بولغان ھاجىبۇل ھۆججاپ رەھمەتۇللا بالاساغۇنى باشلىق دۆلەت ئەربابلىرىغا ئېلىكخان نامىدىن زەرباب تون كىيدۈرۈپ، ئالماس كۆزلۈك خەنجەر تەقدىم قىلدى.
— بۇ ئاتىلارنىڭ سوۋغىسى، — دەپ ياقۇپ تېكىنگە كۈمۈش دۇبۇلغا، ساۋۇت، خەنجەر، قىلىچنى بەردى، — مەلىكە ئانىلىرىغا ئەۋەتكەن سوۋغىلارنى بۇخاراغا ئۆزۈم يولغا سالىمەن، — دەپ شاھزادەنى خۇش قىلىۋەتتى.
— تەشەككۈر، بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى، تەشەككۈر، سالتاق ئاتقا مىنىپ كېلىشلەرمۇ، ئوخشاشلا خىزمەتلىرىدە بولاتتۇق. شۇنچە كۆپ سوۋغا - سالام بىلەن بىزنى خىجىل قىلىپ قويدىلا، نېمىدەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي قالدۇق …
— نېمىشقا ئانداق دەيسىز يۇغرۇش بېشى؟ — تاجمۇلكنىڭ سۆزىنى بۆلدى بۆرە تېكىن، — شامالنىڭ قاچان، بوراننىڭ قانداق چىقىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىزۇ، رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەمسىز؟ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوبدان كۈتۈپ، سەيلە - ساياھەتكە، شىكارغا ئېلىپ چىقىپ زېرىكتۈرۈپ قويمىساقلا بەگىيۈسۈپ رازى بولىدۇ. بۇ جەڭ قىلىشتىن كۆپ ئاسانغۇ؟ — دەپ ھەممىلەرنى كۈلدۈرۈۋەتتى.
— شۇنداق، ئالىيلىرى. ھەربىرىڭلەرنىڭ كۆرسەتكەن سەمىمىي ھۆرمەت — ئىززىتىدىن مەن خىجىل بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن. بەجايكى كۈن ئالدىدا ئاي نۇرسىزلىنىپ قالغاندەك …
ھەممەيلەن يەنە كۈلۈشتى.
شۇنىڭ بىلەن سوۋغا — سالامنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى كۆڭۈللۈك ئاياغلاشتى.
تامغاچ بۇغراخاننىڭ ئەمرى بويىچە تاجمىلىك بەگيۈسۈپ ۋە ئونىڭ ئوتتۇز نەپەر ھەمراھى پادىشاھ تېكىخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بەگيۈسۈپ ئۆزىنىڭ بۇنداق قىزغىن قارشى ئېلىنغىنىدىن خۇرسەن بولدى. زىياپەت، باغ سەيلىسى، ئونىڭ — بۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش، ئويۇن — تاماشا بىلەن ئۈچ كۈن ئۆتتى. تۆتىنچى كۈنى بۆرە تېكىن:
— ھاجىپ ئاغا، ھاردۇقىڭىز چىققاندۇ؟ بۈگۈن شىكار قىلايلى. تولا كىتاب كۆرۈپ چارچىغان مېڭىڭىزنى ساپ ھاۋادا سوزۇلدۇرۇپ كېلەي. ھەربىر دەرەخ، ھەربىر ئۇچار قۇش، ھايۋاننىڭ ئۆزى بىر دۇنيا. مەيلىڭىز بارمۇ؟ — دېدى.
— ئەلۋەتتە، تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، ئىككىمىزنىڭ نەۋقىران ۋاقتىمىزدا شىكار قىلغىنىمىز پات — پات ئېسىمگە چۈشۈپ سىلىنى ياد ئېتىپ قالاتتىم. شىكار ئادەمنىڭ غەيرەت — شىجائىتىنى ئاشۇرىدۇ، — دېدى «ھېلىمۇ كۆڭلى بۆرە تېكىننى تارتىپ تۇرىدىكەن بۇ خاقاننىڭ» دەپ ئويلىغان بەگيۈسۈپ.
بەگيۈسۈپنىڭ ئويىچە بولغاندا دەرھال سۆزلىشىپ، بۇرۇنراق سۆلھى تۈزسە، ئىش ئوقىغا تارتقان بولاتتى. شۇڭا، ئۇ سىر دەرياسىنى بويلاپ كېتىۋاتقاندا دېدى:
— تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، مەن قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئەزىز دەرگاھلىرىغا كېلىۋېدىم، نەچچە كۈندىن بېرى بۇ توغرۇلۇق گەپ ئېچىشقا پۇرسەت بولمىدى. بۇنداق سەيلە — ساياھەت، شىكار
قىلىپ كېتىۋەرسەم، قانغا غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەھلى مەملىكەتكە يۈز كېلەلمەيمەن، قاراخانىيلار جەمەتىگە يۈز كېلەلمەيمەن. يىگىرمىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغۇچى بارمىكىن؟
ئىبراھىم بۆرە تېكىن يورغىلاپ كېتىۋاتقان تورۇقنىڭ تىزگىنىنى بىر تارتىۋەردى، ئات ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چاپچىپ توختىدى.
— بەگىيۈسۈپ، نېمىشقا كېلىپلا ئۇ زۆرۈرىيەت توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدىڭىز؟ ئۇزاق يەردىن كەلدى، ھاردى، چارچىدى، ئوبدان ئارام ئالسۇن دەپ، نەچچە كۈندىن بېرى يوغۇروش باشىنى خىزمىتىزدە بولۇشقا بۇيرۇغانىدىم. مەن سىز كەلگەن كۈنى ئىسمىڭىزنى ئاڭلاپلا، فەرغانە دىيارىنىڭ ئىشى بىلەن كەلگىنىڭىزنى بىلگەن. ئەمما، سىزنى ھۆرمەت قىلغىنىمدىن، بۇ توغرۇلۇق ئالدىرىماي سۆزلەشسەكمۇ بىر پىكىرگە كېلىمىز، دەپ قارىغانىدىم. سۆزىڭىزنى ھەرۋاقىت ئاڭلىغۇم بار. مەن چىلىبۆرىدىن ئەمەس، ئوغۇزخان بوۋامغا يول باشلاپ ماڭغان كۆك بۆرىدىن بولىمەن، — دېدى بۆرە تېكىن ئاچچىقلانغان تەرىزدە.
— ئۇنداق بولسا ھازىرلا ئورداغا قايتايلى، ئالىيلىرى، قىلىشىدىغان گەپ بەك تولا، — بەگىيۈسۈپ ئېتىنى بۇراپ ماڭماقچى بولدى.
— توختاڭ، — بۆرە تېكىن ئۇ مىنگەن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇۋالدى، — نېمىشقا ئورداغا قايتىمىز، گەپ — سۆزنىڭ كۆپلۈكىدىنمۇ؟
— بۇ جاڭگالدا قانداق سۆزلىشىمىز؟
— مېنى بۆرىلەر باققان، بەگىيۈسۈپ، ئوردىدىن جاڭگال تىنچراق، بۇ يەردە ھېچكىم بىزگە دەخلى قىلمايدۇ. قانداق گېپىڭىز بولسا ئۇدۇل ئېيتىڭ، — بۆرە تېكىن ئاتتىن چۈشتى، — مېنىڭمۇ سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار، — ئۇ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى ئېگەرنىڭ قوش بېشىغا ئىلىپ قويۇپ مەيلىگە قويۇۋەتتى. ئاق قاشقا تورۇق نارازى بولغان قىياپەتتە
ئاستا نېرى كەتتى.
بېگىيۈسۈپمۇ ئاتتىن چۈشتى، ئېتىنى نېرىراقتىكى قارىياغاچنىڭ شېخىغا باغلاپ قويۇپ، بۆرە تەگكەننىڭ يېنىغا كېلىپ قۇمساق قىرغاقتا ئولتۇردى، بۆرە تەگكەن:
— سىلەر شىكار قىلىۋېرىڭلار، — دېدى يۇرتۇغ، جاندارلارغا، — بۇ يەردە ھېچكىم قالمىسۇن.
شيكارغا بىللە چىققان يۇرتۇغ، جاندارلار دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان سىر دەرياسىنى بويلاپ چېپىپ كېتىشتى.
ياپياپ قىرغاققا شارقىلداپ ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى تۈرلۈك — تۈمەن ئوي بىلەن چىڭقىلىپ ئاغرىشقا باشلىغان بېگىيۈسۈپنىڭ مېڭىسىنى سۆزۈلدۈرۈپ ئارام بەردى. دەريادىن ئۇرۇلغان راھەتبەخش شامال بويۇن باشلىرىنى سىلاپ، تېنىنى سەگىتتى، ئۇ ئەتراپقا قاراپ زوقلىنىپ، گۈزەل تەبىئەتنىڭ ئارامبەخش مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، ۋۇجۇدى يايراپ قالدى.
ئويلىنىپ قالغان ئىبراھىم بۆرە تەگكەن ئونىڭدىن سۆز كۈتۈپ، قولىدىكى قامچىنىڭ دەستىسى بىلەن نەملىشىپ يەرگە ھۆللىشىۋاتقان بۆرەكنىڭ سۈرىتىنى سىزىۋاتاتتى. بېگىيۈسۈپ سەپىشىپ دېدى:
— تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، ئەمدى سۆزۈمنى باشلاي. بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ قانداق ۋاپات بولغىنىدىن خەۋەرلىرى بار. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر زىندانغا تاشلانغانىدۇم.
— مەن خەۋەر تاپقان، بېگىيۈسۈپ. بۇغرا قاراخان ئاغامنىڭ ئۆلۈمى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بوپتۇ. ئوردۇكەنتتىكى چېغىمدا ئۇ ئادىرا ئاپام بىلەن ئىككىمىزگە ئوبدان قارىغانىدى. ئاكام مۇھەممەد ئالىپ تەگىن ئۇنى دوست تۇتقانىدى. سەمەرقەنتكە كەتكىنىمىزدىن كېيىنمۇ، ئاكام ئۇنىڭغا خەت يېزىپ تۇرغانىدى. ئاكام ئالەمدىن ئۆتكەندە، سۇلايمان ئارسلانخان ئاغام سەمەرقەنتكە كېلىپ، بۇغرا قاراخان نامىدىن ماڭا ئېلىكخانلىق
تاجىنى كىيدۈرگەنىدى… مۇھەممەد ئارسلانخاننى مانا شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاكىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، دەپ ئويلىمىغانىدىم، — دېدى بۆرە تېگىن.
— ئاكىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولدى، تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى.
— نېمە، مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ قازا تاپتىمۇ؟ — بۆرە تېگىن قامچىنى تاشلاپ بەگىيۈسۈپكە قارىدى.
— قازا تاپتى، قازا تاپقاندىمۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق قازا تاپتى، ئالىيلىرى، — بەگىيۈسۈپ خانىش قىلىچخان ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى، — بۇ قانلىق ئوردا ئۆزگىرىشى قىلىنغان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ كىچىك خانىشى قۇماربىكە ئابىنچۇ خاتۇن بىلەن ئاكىسى بوزاغو ئىكەن.
بۆرە تېگىن قامچىنى يەرگە ئۇردى، يەردىن چاڭ كۆتۈرۈلدى.
— مەن ئۇ خۇنخور بوزاغونى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھ بوۋام بىلەن قوزئوردۇغا بارغاندا كۆرگەن. ئۇ سېرىق، ھاپ قوۋۇز تۈلكىگە ئوخشاشلا بىرنېمە ئىدى. قۇماربىكە دېگەن شەيتان خاتۇن توغرۇلۇق كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئۇنىڭ شۇم تەلەتىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇ شۇنچە جەلىپكارمۇ؟
— شۇنداق، ئالىيلىرى. ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننى ناز-كەرەشمىسى بىلەن چاڭگىلىغا ئېلىۋاپتىكەن. دارغا ئېسىلغان ئاسى مۇناپىق ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش، قارلۇق خانلىقىنى تىكلەش ئۈچۈن ئاكىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇزاق يىللاردىن بېرى سويقەست پىلانلاپ كەلگەنلىكى بۇ پاجىئەدە ئىسپاتلاندى، — بەگىيۈسۈپ قۇماربىكەنىڭ بوزاغو بىلەن بىرلىشىپ قىلغان قانخورلۇقلىرىنى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنىمۇ بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.
بۆرە تېگىن ئىككىنچى قېتىم قامچىسىنى يەرگە ئۇردى.
— مۇھەممەد ئارسلانخان قۇماربىكە ئابىنچۇ خاتۇن بىلەن
بوزاغۇنىڭ سۇيىقەستىنى قانداق بىلمەي قالغاندۇ؟ دەپ سورىدى كۆزلىرىنى قىسىپ ئويلانغان ھالدا.
ئۇنى غەپلەت باسقان، ئالىيلىرى، دېدى بەگىيۈسۈپ، ئاندىن ئۆزى ۋە ئەبۇ ھەسەن ئېبلىكخاننىڭ ئىككى قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتىپ، قۇماربەككە، بوزاغۇنىڭ سۇيىقەستىدىن مۇھەممەد ئارسلانخاننى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، لېكىن كۆڭلى قارىيىپ كەتكەن خاننىڭ ھەقىقەتنى بىلىشتىن باش تارتىپ، ئاقىۋەت ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۆرە تېگىن ئۈچىنچى قېتىم قامچىسىنى يەرگە ئۇرۇپ چاك چىقىرىۋەتتى. ئۇ غەزەپكە كەلگەنىدى. ئوت چاچراپ تۇرغان كۆزلىرى تېخىمۇ قىسىلىپ، ساقاللىرى تىكەنلەشتى. چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، قامچىنى دەرياغا ئاتتى.
ئالىيلىرى، تاشلىغانلىرى قامچا ! دېدى دەريا قىنىغا كىرىپ كەتكەن كۈمۈش ساپلىق يىلان قامچىغا قاراپ قالغان بەگىيۈسۈپ.
كېرەك يوق ! بۆرە تېگىن ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، ئەبۇ ھەسەن ئېبلىكخان ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بارمامدىكەن؟
ئالىيلىرى پەرغانىگە بېسىپ كىرگەچكە، لەشكەر تارتىپ بېرىشنى كېچىكتۈردى.
مېنىڭ تۆپەيلىمدىنمۇ؟
شۇنداق ئالىيلىرى، راستىنى ئېيتسام، ئەبۇ ھەسەن ئېبلىكخان ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ كەتسە، ئۆزلىرى قوزغۇردۇغا باستۇرۇپ كەلمەي قالالاممۇ؟ ئېبلىكخانغا بۇ قارىشىمنى ئېيتىپ، ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بېرىشنى ئارقىغا سۈرۈش توغرۇلۇق مەسلىھەت بەردىم.
بۆرە تېگىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
سىز موللا تاپقاق ئىكەنسىز، بەگىيۈسۈپ. مابادا ئەبۇ ھەسەن ئېبلىكخان ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ كەتسە، مەن
قۇزغۇردۇغا جەزمەن بېسىپ كىرەتتىم. ئەقىللىك پادىشاھ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ، ھاجىپ.
— شۇنىڭ ئۈچۈن قورقماي بۆرە ئېنىغا كەلدىم، ئالىيلىرى.
— بۆرە ئېنىغا؟ بۆرەكنىڭ يەپ قويۇشىدىن قورقمىدىڭىزمۇ؟
— زىنھار، چۈنكى مەن كەلگەن بۆرە ئېنى — ئۇلۇغ بوۋىلىرى ئوغۇزخانغا يول باشلاپ ماڭغان كۆك بۆرەكنىڭ ئېنى.
— مەن شۇنداق يول باشلاپ ماڭالامدىمەن؟
— ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى بىلەن پەقەت مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەتلەشكىلى كەلدىم. بۇ قېتىم قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشتى. توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر، يىگىرمە تۆت قەبىلە بولۇپ، قاراخانىيلار تۇغىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان ئۇيغۇر قەۋمى ئۆزىنىڭ بۇغراخانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. پەقەت ئالىيلىرىنىڭ ھىممىتى بىلەن بۇ بالا — قازانى دەپئى ① قىلىش مۇمكىن.
— مېنىڭ ھىممىتىم بىلەن؟ — بۆرە تېگىن سەگەكلەشتى، — مەن قانداق ھىممەت كۆرسىتىشىم كېرەك؟
— پەرغانە دىيارىدىن سىپاھلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش بىلەن، ئالىيلىرى! — دېدى بەگىيۈسۈپ گەپنى ئەگىتمەي.
— ئوھۇي، مەن بۇنداق ھىممەتنى كۆرسىتەلمىسەمچۇ؟
— كۆرسىتەلەيدىلا، ئالىيلىرى، قانداق بولۇپ پەرغانىگە بېسىپ كىرگەنلىرىنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم. بولمىسا بۆرىلەر بىر — بىرىنىڭ ئېنىغا باستۇرۇپ كىرمەيدىغان، — دېدى بەگىيۈسۈپ ھەزىل قىلىپ.
— توغرا — توغرا، قالتىس گەپ بولدى، مەن چۈشەندۈرەي، — بۆرە تېگىن كۈلكىسىنى توختىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — بەزى قېرىنداش قورۇق — توغقانلىرىم، ۋەتەنداشلىرىم مېنى بۆرە مىجەز، رەھىمسىز، تەلۋە، دەپ ھاقارەتلەپ كەلدى. بۆرە
① دەپئى — يوقىتىش، تۈگىتىش.
مىجەزلىكىمگە ئىقرارمەن، لېكىن تاش يۈرەك، قارا كۆڭۈللەردىن ئەمەسمەن. مېنى بۆرىلەر باققان بىلەن ئانىلىق مېھرىنى مىلىكە ئادىرا تۈركەن خاتۇن بەرگەن. ئۇنى دائىم ئەسلەيمەن، ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا سوۋغا - سالام ئەۋەتىپ تۇرىمەن. ئۆزۈممۇ تارىقچى سىياقىدا كىرىپ، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي خۇپىيانە نەچچە قېتىم بېرىپ ئۇ بۈزرۈكۋارىمدىن ھال سوراپ كەلدىم. ھەر قېتىم قايتىشىمدا ئاشۇ جاڭگالدىكى بۆرىلەر بىلەنمۇ ئۇچراشتىم. بۆرىلەر ھىدلاپ، تەنلىرىنى سۈركەپ، باشلىرىنى كۆكسۈمگە قويۇپ چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى، ھۇۋلاشتى. بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ناخشىسى بولسا كېرەك. تېخىچە، بۆرىلەر ئىچىدە ئۆتكەن گۆدەكلىك چاغلىرىم ئېسىمگە چۈشتى. مېنى باققان بۆرە ھاياتمىدۇ، ئۆلگەنمدۇ؟ زادى بىلەلمىدىم. ھەممىسى مېنى باققاندەك بىلىنىپ باشلىرىنى سىلىدىم. مەن بۆرىلەردىنمۇ ئادەمگە ئوخشاش مېھرى - مۇھەببەت بارلىقىنى جىسمىم، ئەقلىم بىلەن سەزگەن، بىلگەن ئادەممەن. باشقا ھايۋانلارغا نىسبەتەن بۆرەگە بولغان مېھرىم كۈچلۈك. شۇڭا، ماۋەرائۇننەھرىدە بۆرە ئوۋلاشنى مەنئىي قىلىپ كەلدىم. بۆرە ئاتقانلار سېزىلسە رەھىمسىزلىك بىلەن جازالىدىم. ھازىر باشقا يەرلەرگە قارىغاندا سەمەرقەنت دىيارىدا بۆرە كۆپ. مەن ھەر يىلى توقسان توققۇز قۇلنى ئازاد قىلىمەن. ھەر كۈنى ئۈچ يۈز يېتىم - يېسىرغا تاماق، كىيىم بېرىپ تۇرىمەن. ھەر ئايدا ئون توققۇز تورغاي، ئون توققۇز تومۇچۇق، ئون توققۇز شاتۇتنى قەپىسى بىلەن بازاردىن سېتىۋېلىپ قويۇۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئەركىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تەختتە ئولتۇرغىنىمدىنمۇ بەكرەك خۇش بولىمەن. جەڭدە ئەسىر چۈشكەنلەرنى تاكى مۇشۇ كۈنگىچە ئۆلتۈرمەي، قول قىلماي، ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان پادىشاھمەن. بۇ ئاللاھقا مەلۇم، بەگىيۈسۈپ.
كىشىلەرگە داۋراڭ سالمىدىم، ئەمما ئاسىي - مۇناپىقلارغا، ئوغرى، قاراقچى، زىناخور، خىيانەتچىلەرگە، زالىم، قارا نىيەت
سۇيىقەستچىلەرگە ھەرگىز رەھىم قىلمايدىغان ھۆكۈمرانمەن. ئەجەب، شۇنداق تۇرۇپ، نېمىشقا قېرىندىشىمنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىردىم؟ — بۆرە تېگىن مەيدىسىگە يېپىلىپ تۇرغان ساقىلىنى سىيپاپ — سىيپاپ، بېشىدىكى ئالتۇن تاج قادالغان دۇبۇلغىنى ئېلىپ يېنىدا قويدى، — مېنىڭ شىكارغا خۇشتار ئىكەنلىكىم سىزگە مەلۇم، بەگىيۈسۈپ، بۇ يىل باش باھاردا يۈزدىن ئارتۇق بۈركۈت، قارچىغا ئېلىپ، بەش يۈز سىپاھ، يۇرتۇغ، جاندارلىرىم بىلەن قوش ئوۋلاشقا ئاتلاندىم. ئۈچ كۈن شىكار قىلىپ ئوۋلىغان ئوۋىمىز ناھايىتى كۆپ بولدى. لېكىن، شىكارغا بولغان خۇمارىم بېسىلماي، شىكار ۋاقتىنى يەنە ئۈچ كۈن ئۇزارتتىم. شىكار قىزىقچىلىقىدا ئۇقۇشماي پەرغانە دىيارىغا كىرىپ كەتكىنىمىزنى بىلمەي قاپتۇق. ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر خىيابانغا چىقىپ قالدۇق. ئوردا نۆكەرلىرىنىڭ بىر يۈزبېشى بىر بۆرەنى ئوۋلاپ تېرىسىنى سويۇۋاتقاندا ئۈستىدىن چۈشۈپ قالدىم. غەزىپىم شۇنداق كەلدىكى، قىلىچ بىلەن بىر ئۇرۇپ ئۆك قولىنى چېپىپ تاشلىدىم. مۇشۇ كۆڭۈلسىزلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شىكارىمىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانىدى. قايتىشقا ئەمر قىلدىم. شۇ ئەسنادا بىرنەچچە مىڭ سىپاھ بىلەن كەلگەن مەھمۇد ئارسلانخان ئاغام تۆت تەرەپتىن قورشۇۋالدى ۋە: «سىلەر نېمىشقا مېنىڭ ئۈلكەمدىكى زېمىنغا بېسىپ كىردىڭلار، ھەممىڭلار قوراللىرىڭلارنى تاپشۇرۇپ تىزلىنىڭلار!» دەپ بۇيرۇدى. مەن: «ئاغا، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، ئوۋلىغان ئوۋلىرىمىزنى قويۇپ چىقىپ كېتەيلى، ئەپۇ قىلىسلا» دېدىم. «ماۋەرائۇننەھرگە يۈرۈش قىلىپ، سەن تەلۋىنىڭ ئەدىپىنى بىر بېرىمەن. ئۆز ئايىغىڭ بىلەن كەپسەن، ئاتتىن چۈشۈپ تىزلان!» دېمىسۇن، قويۇق چىچىم تەك تۇرۇپ كەتتى. «شۇنداقمۇ ئاغا، ئۆزىڭىزگە ئاگاھ بولۇڭ!» دەپ قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغاردىم. يۇرتۇغ، جاندار، سىپاھلىرىمنىڭ ھەربىرى ئون نۆكەرگە تېتىيدىغان ئالپلاردىن ئىدى. قىلىچ، گۈرزىلىرىنى
قوللىرىغا ئېلىپ، قورشاپ كېلىۋاتقان مەھمۇد ئارسلانخان ئاغامنىڭ سىپاھىلىرىغا ئېتىلدى، كېسكىن ئېلىشتۇق. نەتىجىدە، تاجی بېشىدىن چۈشۈپ كەتكەن مەھمۇد ئارسلانخان ئاغام ئازغىنا جاندارلىرى بىلەن قاچتى. مەن ئارقامغا يانمىدىم، ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ، پەرغانە دىيارىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىم ئاستىغا ئالدىم. ئۇ بارسغاندىكى ئوغلىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالدى.
ئەسلىدە پەرغانە دىيارىنى بېسىۋېلىش غەرىزىم يوق ئىدى. گەرچە مەن تامغاچ بۇغراخان بولۇپ، قاراخانىيلار خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققان بولساممۇ، قان - قېرىنداشلىرىم ئېلىكىدىكى زېمىنلارنى بېسىۋېلىش غەرىزىدە بولماي كەلگەنىدىم. شۇنداق غەرىزىم بولىدىغان بولسا، ئاللىبۇرۇن ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلغان بولاتتىم. مەن سەمەرقەنتتە تۇرۇپ، قاراخانىيلار تۇپرىقىنى غەزنەۋىيلەر، سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقىنىڭ، ھىندى، پارس شاھىنشاھلىرىنىڭ، ئەرەب پادىشاھلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ كېلىۋاتقان تامغاچ بۇغراخانمەن. بۆرىلەر بىر - بىرىنىڭ گۆشىنى تارتىشالمايدۇ. مەنمۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ زېمىنلىرىغا چاڭ سېلىشنى خالىمايمەن. ئەمدى مېنى چۈشەندىڭىزمۇ؟
— چۈشەندىم، تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى. كۆڭلىڭىزنىڭ ئاقلىقىنى، نىيىتىڭىزنىڭ ساپلىقىنىمۇ بىلدىم. قارىغاندا پەرغانىدىكى سىپاھىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتسە كېرەكلى — دە؟ — بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ كۆزلىنىك چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇددىئاسىنى بىلمەكچى بولدى.
— مەن لەشكەرلىرىمنى قايتۇرۇپ كېتىش توغرۇلۇقمۇ شۇ دەقىقىچە ئويلىنىپ كۆرمىگەنىدىم. سىزدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، تەكلىپىڭىزنى ئاڭلاپ، مانا ھازىر قايتۇرۇپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. مەن قېرىنداشلىرىمغا ھەرگىز تىغ كۆتۈرمەيمەن، بەگىيۈسۈپ، شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمغا كۆز ئالايتقان ئاسى،
393
قارا نىيەت سويقەستچىلەرگە ھەرگىز رەھىم قىلمايمەن. بولدى، خاتىرجەم بولۇڭ. ئەبو ھەسەن ئېلىكخان ئوردىگەنتكە يۈرۈش قىلىۋەرسۇن. ئۇ يۈرۈش قىلمىسا، مەن لەشكەر تارتىپ بېرىپ، ئاسىي مۇناپىقلارنى جازالايمەن. ئۆز جەھەتى، قوشۇمدىن يۈز ئۆرۈگەن ئىبراھىم تېكىننى تۇتۇپ باغلاپ، بۆرىلەرگە يەم قىلىپ بېرىمەن!
بەگتۇسۇپ ئېگىلىپ تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى:
— تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، ئىشلىرىغا كەلگىنىم قۇتلۇق بولغانىكەن، سىلىگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن. ئەمدى قايتىپ، بۇ خوش خەۋەرنى ئەبو ھەسەن ئېلىكخانغا يەتكۈزەي.
— توختاڭ، بەگتۇسۇپ، — بۆرە تېكىنمۇ ئورنىدىن قوپتى، — خانلىقنىڭ بۇ ئىشى پۈتكەن بىلەن، يەنە بىر مۇھىم ئىش پۈتمىدى. ئۇنى پۈتكۈزمەي سىز يولغا چىقالمايسىز.
بەگتۇسۇپنىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى.
— ئالىيلىرى، بېتاقەت قىلماي ئېيتسىلا، ئۇ پۈتمىگەن قايسى ئىش؟ مېنىڭسىز ئۇ ئىشنى بېجىرگىلى بولمامدۇ؟
— بۇ ھەقتە ئورداغا كىرىپ مەسلىھەتلىشەيلى، — بۆرە تېكىن كۈنگە قارىدى. كۈن قىيام بولغانىدى. ئۇ خۇددى نەي چالغانىدەك ئۈسقىرتتى. شۇ ھامان ئاق قاشقا تورۇق پەيدا بولدى، جەدمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى.
— قېنى، ئاتقا مىنىڭ. ئوۋچى ھەمراھلىرىمىز ھازىر يىغىلىدۇ. ئەمدى قايتايلى، — بۆرە تېكىن ئېتىغا مىندى.
«پۈتمىگەن ئىش» نىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن بەگتۇسۇپ، پەرىشان ھالدا ئاتقا مىنىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
2
ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ ھەرىمى ئوردىنىڭ ئوڭ يان
تەرەپتىكى چىمەنلىكتە بولۇپ، ئالتە قەسىر، ئىككى مېھمانخانا، بىر ئارامگاھ سارىيى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەتتەش ساراي ئىدى. ئامبارلىرى ئايرىم - ئايرىم ئىدى. بىرىنچى قەسىردە چوك خانىش سارا تۈرگەن خاتۇن، ئىككىنچى قەسىردە ئالتۇن تانىم تىللا بۈۋى، ئۈچىنچى قەسىردە كۈمۈش تانىم قەمەربىكە كېنىزەكلىرى بىلەن تۇراتتى. تۆرتىنچى، بەشىنچى قەسىرلەردە چۆرىلەر، ئالتىنچى قەسىردە تۇغۇت ئانىلىرى، چاچ تارغۇچى، تىككۈچى، پەردازچى دەدەكلەر تۇراتتى.
مايمۇنە چوك خانىشنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتاتتى. دىلدار ئاغىچا سىزگە ھەمراھ بولسۇن، دەپ قوشۇپ بەرگەن ئىككى قىزمۇ يېنىدا ئىدى.
سارا تۈرگەن خاتۇن بۆرە تېگىنگە ئىككى قىز، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. ئوغلىنىڭ ئىسمى شەمسىمەلىك بولۇپ، تۆت ياشتا، چوك قىزى نۇرئەلا بېكە ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. بۇنىڭدىن خېلى يىللار بۇرۇن تۇغۇلغان قىز - ئوغۇللىرى چاچراپ كەتكەنىدى. ئۆتكەن يىلى تۇغۇلغان كىچىك قىزى نۇرئەسەمبىكە تېخى ئەمچەكتە ئىدى.
شەمسىمەلىك مايمۇنەنى دەسلەپ كۆرگەندە قورقۇپ يېقىن بارغىلى ئۇنىمىدى. نۇرئەلا بېكە ھاڭ-تاڭ قېلىپ تۇرۇپلا قالغانىدى. كېيىن ئۇغلۇق، خۇشخۇي، مېھرى ئىسسىق بۇ چوكانغا ئاچا - ئىنى قېرىنداشلار ئامراق بولۇپ كەتتى. سارا تۈرگەن خاتۇنمۇ ياق تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ ئىچى بەك ئاغرىدى. خوشلىشىپ ماڭغان چاغدا، تويدا كىيىش ئۈچۈن دەپ يۇللۇق تۇتۇپ ئۆزىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. ئەمما، ئىش ئويلىمىغان يەردىن چىقتى.
ئىبراھىم بۆرە تېگىن مايمۇنەنى ئوردا ئالدىدا كۆرگەندە ئۇنىڭغا تىكىلىپلا قالغانىدى. شۇڭا «ھەرەمدە تۇرسۇن» دەپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سارا تۈرگەن خاتۇن قەسرىدىن جاي بېرىشكە بۇيرۇغانىدى.
ئۇ ئادەتتە چۆڭ خانىشنىڭ يېنىغا ئۈچ كۈندە بىر كىرىپ قونۇپ قالاتتى. مايمۇنە بۇ قەسىردە تۇرۇشقا باشلىغان تۆت كۈندىن بېرى، ئۇ ھەر كۈنى بىر - ئىككى قېتىم كىرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن تۈركەن خاتۇن بىر تەرەپتىن مەمنۇن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن گۇمانلاندى. ئۇ ئۆزىنى ئەقىپچەپ ئالغان تاغىيورەك ئېرىنى چىن قەلبىدىن سۆيەتتى، ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئېرى ئىككىنچى، ئۈچىنچى خانىشنى ئەمرىگە ئالغاندا، ئۇ «دۇنيادىكى ھېچقايسى پادىشاھ بىر خوتۇن بىلەنلا ئۆتكەن ئەمەس، بۇ بىر يوسۇن» دەپ قارىغانىدى. سارا تۈركەن خاتۇن ئۇنىڭ ئۆزىنى ھەممىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن شەكلىنەتتى. بۆرە تېگىنمۇ بۇ چىرايلىق، لاتا پەتلىك خوتۇننى جان - دىلى بىلەن سۆيۈپ كېلىۋاتاتتى. لېكىن، بۇ قېتىم سارا تۈركەن خاتۇننىڭ كۆڭلىگە شەك چۈشتى …
بۆرە تېگىن بەگىيۇسۇپنى شىكارغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن كۈنى، خانىش مايمۇنەنى ھەرەمنىڭ چار بېغىغا باشلاپ كىردى. ئۇلار قىرغاق گىلاس دەرەخلىرى تىكىلگەن ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ يۇغان بىر تۈپ ئۈجمە تۈۋىدە توختاشتى. قىزىرىپ پىشقان گىلاسلار قىزلار بوينىغا ئېسىۋالغان ياقۇتتەك يارقىرايتتى. ئۈزۈلگەن گىلاسلارنى كۈمۈش لېگەنلەرگە ئالغان كېنىزەكلەر سارا تۈركەن خاتۇنغا، ئاندىن مايمۇنەگە تۇتتى. ئۇلار ئىككى تالدىن يېيىشتى.
— سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا گىلاس بارمۇ؟ — دەپ سورىدى خانىش گەپ تېپىپ.
— بۇنداق گىلاسنى كۆرمىگەندىم، — بېشىنى چايدى مايمۇنە. ئۇنىڭ ئۆزۈن بودۇر چىچىغا ئېسىلغان كۈمۈش تەڭگىلەر جىرىڭلاپ كەتتى، — باشقا مېۋىلەر ناھايىتى كۆپ. بانان، زەيتۇن، ئاپىلىسىن، ئۆرۈك، شاپتۇل دېگەندەك …
— كېنىزەكلەر، ئۈجمە ئېلىشتىڭلار! — بۇيرۇدى خانىش.
ئىككى كېنىزەك ئۈجمىگە ياماشتى. بىر قانچە كېنىزەك ئېغىتىلغان ئۈجمىگە داستىخان تۇتتى، مەي بولۇپ پىشقان ئۈجمىلەر خۇددى مۆلدۈردەك تۆكۈلدى. كېنىزەكلەر شاخلارنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ توختىماي سىلكىشتى.
— يەك مايمۇنە. بۇ شىپاھلىق مېۋە، — دېدى خانىش باغقا خىيالچان نەزەر تاشلاپ ئولتۇرغان مايمۇنەنىڭ ئاغزىنى تاتلاپ.
قارا تەنلىك چوكان ئۆز يۇرتى، ئاتا - ئانىسىنى ئەسلەپ مۇڭلىنىپ قالغىچە زۇۋان سۈرمىدى.
— سىزنىڭ ۋەتىنىڭىز قەيەر؟ — خانىش گەپ يۆتكىدى.
— يەمەن.
— سىز شىكارغا چىقىپ باققانمۇ؟
— چىققان، خانىش ئالىيلىرى. يەمەننىڭ دالا - جاڭگاللىرىدا ياۋايى ھايۋانلار چېچىمدەك تولا، — مايمۇنە تۇرۇپلا ئېسىگە بىر ئىش كەلگەندەك سوراپ قالدى، — بىزنىڭ ئەلدە شىكارغا ئەر - خوتۇن بىللە چىقىدۇ. بۇ يەردە خوتۇنلارنىڭ ئەرلىرى بىللە شىكار قىلغىنىنى كۆرمىدىم. خوتۇن - قىزلار ئۆيدە ئولتۇرۇۋەرسە زېرىكمەمدۇ؟
— ئۇنداق ئەمەس، مايمۇنە، بۇ يەردىمۇ خوتۇنلار ئەرلىرى بىللە شىكار قىلىدۇ. بەزىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى، بەزىدە تۇغقانلىرى بىلەنمۇ شىكارغا چىقىدۇ. ئەمما، يات ئادەملەر بىلەن چىقمايدۇ، — خانىش «ئاغزىڭ ئاجايىپ تەستە ئېچىلدى، قېنى، نېمە دەيسەنكىن، ئاڭلاپ باقاي» دەپ ئويلاپ، سۆز كۈتۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى.
— بىزنىڭ يۇرتتا بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ، قولۇم - قوشنىلار بىلەنمۇ شىكارغا چىقىۋېرىدۇ. يۇرتداشلار بىر - بىرىگە قانداقمۇ يات بولسۇن. ئەمما، تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى شىكارغا سىلىنى ئالماي چىقىپ كەتتى، بۇنىڭغا ھەيران بولدۇم.
قۇشقاچ شاختىن تاشلانغان ئۈجمە خانىشنىڭ تاچىغا چۈشۈپ
ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى. مايمۇنە ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى. — نېمىگە كۈلۈۋاتىسىز؟ — خانىش ئاچچىقلاندى. مايمۇنە گەپ قىلماي ياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ تاجىنى ئېرتىپ قويدى. خانىش «ئەجەب خوتۇنكەنە بۇ، ھېلىقىماي تامغاچ بۇغراخاننى ئاغزىغا ئېلىۋاتىدۇ. تىلىنىڭ تېگىدە تىل بار ئوخشىمامدۇ. قېنى، يەنە نېمە دەيدىكىن، ئاڭلاپ باقاي» دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ كۈلۈمسىرىدى: — تامغاچ بۇغراخان كۆپ ئادەم بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتتى. مەن بىللە بارسام نامەھرەملەر ئارىسىدا گۇناھكار بولمامدىكەن؟ شۇڭا، قالدىم. — ھە، ئەمدى چۈشەندىم، — مايمۇنە نېمىنىدۇر ئويلاپ قېلىپ سورىدى، — تامغاچ بۇغراخان بۈگۈن كەچ شىكاردىن قايتىپ كىرەمدۇ، خانىش ئالىيلىرى؟ — ياق، تامغاچ بۇغراخان شىكارغا چىقىپ كەتسە، ئاز بولسا بەش — ئالتە كۈندە، كۆپ بولسا ئون — ئون بەش كۈندە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ قېتىم ناھايىتى كۆپ ئادەم بىلەن چىقىپ كەتتى. ئون بەش — يىگىرمە كۈنسىز قايتىپ كېلەلمەيدۇ. خانىش جىم بولۇپ قالغان مايمۇنەگە كۆز سېلىپ ئۆزىچە خۇيى تۇتۇپ قالدى. بۇ چاغقىچە كاللىسىغا كەلمىپ باقمىغان بىر خىيال ئۇنىڭ كېيپىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. «بۇ زەڭگى ئېرىم بىلەنلا قالدىغۇ، ئۇنى قەسرىمگە يولاتمىسام بوپتىكەن. ئېرىم بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرسۇن، دېسە ماقۇل بوپتىمەن. يا ئېرىمنىڭ باشقىچە ئويى بارمىدۇ؟…» ئۇنىڭ دېگىنىدەك ئىبراھىم بۆرە تەگكەن شىكاردىن ئون بەش كۈندە ئەمەس، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا قايتىپ كېلىپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. ئوردىغا كىرىپ ئاتتىن چۈشكەن ئىبراھىم بۆرە تەگەن، شەيخۇلىسلام، يوغروش باشى، ھاجىبۇل ھۇجابلارنى بەگىيۈسۈپ
بىلەن بىللە ئېلىپ قالدى. باشقىلارغا ئىجازەت بەردى.
تامغاچ بۇغراخان سارىيىغا كىرىپ تەختتىن ئورۇن ئالدى.
— شام چىراغلار ياندۇرۇلسۇن! — دەپ بۇيرۇپ، بەگىيۈسۈپ ۋە باشقىلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
نەچچە ئون قەندىللەردىكى شام چىراغلار يورۇتۇلۇپ، كۆركەم ساراينىڭ تام — تورۇس، ناۋا — تۈۋرۈكلىرىدىكى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن نەقىشلەر چاقناپ كەتتى.
بەگىيۈسۈپ بىئارام بولۇپ ئولتۇرغاندا، بۆرە تېگىن:
— يۈغرۈش بېشى، قەغەز، قەلەم ئېلىپ كىرسۇن! — دەپ بۇيرۇدى.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى! — تاجدىلمۈلۈك دىۋانخاندىن قەغەز، قەلەم، دۇۋەت ئېلىپ كىردى.
— يېزىڭ! — ئەمىر قىلدى تەختتىن تۇرغان بۆرە تېگىن. تاجدىلمۈلۈك تەختنىڭ سول تەرىپىدىكى پۈتۈكچى بېشى خاتىرە، يارلىق يازىدىغان يېزىق شىرەسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ قولىغا قەلەم ئالدى. ئىبراھىم بۆرە تېگىن ئۆزۈپ — ئۆزۈپ ئېيتىپ بەردى. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى يازدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەھدنامە
مەنكى سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ نەۋرىسى ئىبراھىم بۆرە تېگىن تامغاچ بۇغراخان، مەملىكەت مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنىڭ نەۋرىسى ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخاننىڭ يالۋاچى ھاجىپ بەگىيۈسۈپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئوردىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن پاجىئەلىك تەخت ئۆزگىرىشىدىن ۋاقىپلاندىم. بۇنىڭدىن ئاچچىقلاندىم، غەزەپلەندىم. ئىبراھىم تېگىننى ئاسىي قارا نىيەتلەر بىلەن بىرىكتۈرۈپ، قاراخانىيلار ئېلىگە خائىنلىق
قىلغان سويىقەستچى مۇناپىق، دەپ تونۇيمەن. ئۇنىڭ بۇغراخان بولغىنىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايمەن. ئۇ مەلئۇننىڭ بۇغراخان بولۇشقا سالاھىيىتى زىنھار توشمايدۇ. مەن بالاساغۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانى ئەبۇ ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىپ، ئاسىي سويىقەستچىلەرنى جازاغا تارتىپ، قاراخانىيلار ئېلىنى تىنچلىق، ئامانلىق، سائادەت دەۋرىگە قەدەم قويدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋىتىم بىلەن قوللايمەن. مەھمۇد ئارسلانخان ئېلىكتىكى پەرغانە دىيارىدىن بارلىق لەشكەرلىرىنى قايتۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي قاراخانىيلار ئېلىنىڭ داۋاملىق گۈللەپ - ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئىنشاناللا، بۇ ئەھدنامە ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ كۈچكە ئىگە. ۋاللاھۇئەئلەم بىسساۋاب.
غەربىي قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تامغاچ بۇغراخانى ئىبراھىم بۆرە تېگىن بىننى ناسىر ئېلىكخان بىننى سۇبۇت تېگىن ئارسلانخان.
ھىجرىيە 450 - يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بەشىنچى كۈنى ① سەمەرقەنت»
— قايتا ئوقۇڭ، — ئەمر قىلدى ئىبراھىم بۆرە تېگىن بارغانسېرى زەردىسى قايناپ.
تاجىلمۈلۈك ئۈنلۈك ئوقۇدى. تامغاچ بۇغراخان ئەھدنامىنى سۆزمۇسۆز ئېيتىپ بېرىۋاتقاندىلا، بەگىيۈسۈپنىڭ تۇتۇلغان چىرايى ئېچىلىشقا باشلاپ، شۇ تاپتا كۈندەك نۇرلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تەخت ئالدىغا كەلدى، قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
— تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، — ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى، — بىر مەملىكەتكە ھۆكۈمران بولغان پادىشاھ شەپقەت،
① مىلادىيە 1058 - يىلى 5 - ئايغا توغرا كېلىدۇ.
400
ئادالىتى بىلەن كۆپنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى، ئاقىلانە سىياسىتى بىلەن باشقا مەملىكەتلەرنىڭ دوستانە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ ئەھدنامە مەشرىق ۋە مەغرىب ئەللىرىنىڭ بۇغراخانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئەلگە ئەمىنلىك، قۇت بېغىشلايدۇ. يېقىن مەھمۇد ئارسلانخان، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ۋە شەرقىي قاراخانىيلار خەلقى نامىدىن ئىبراھىم بۆرە تېكىن تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
ئىبراھىم بۆرە تېكىن تەختتىن تۆۋەنگە چۈشتى.
— ئەلگە ئادالەت ۋە ئەمىنلىك بېغىشلاش شەرىپى ماڭا ئەمەس، سىزگە مەنسۇپ، بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى. مابادا شۇنچە ئۇزاق يەردىن بۇ يەرگە ئېنىققا كەلمىگەن بولسىڭىز، — ئۇ ھەزىل قىلىپ كۈلۈمسىرىدى، — ھەقىقەتنى بىلىشتىن مەھرۇم قالىدىكەنمەن. سىزگە كۆپ رەھمەت، — دەپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشقاندا، شەيخۇلىسلام، يۇغرۇش بېشى، جاندارلار بېشى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مۇبارەكلەشتى.
— جانابلار، سىلەرنىڭ بۇ ئەھدنامىگە قارىتا باشقا پىكىرلىار يوقمۇ؟ — سورىدى ئىبراھىم بۆرە تېكىن كۆز يۈگۈرتۈپ.
— بۇ ئەھدنامە ھاجىپ جاناپلىرى ئېيتقاندەك مەشرىق ۋە مەغرىب بۇغراخانلىرى ئۈچۈنمۇ، ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز، يىگىرمە تۆت قەبىلە ئەھلى ئۈچۈنمۇ شەرەپلىك قۇتنامىدۇر. جان — دىلىم بىلەن قوشۇلىمەن، تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، — دېدى تاجسىمانلىق ئۆزىنىڭ مەسلىھەتسىز بىر قارارغا كېلەلمەيدىغان تامغاچ بۇغراخاننىڭ مۇنداق ئەلگە پايدىلىق ئەھدنامىنى تۈزۈپ چىققانلىقىدىن ھەيران قېلىپ. ئۇ سەمەرقەندنىڭ پاتلىق قەغىزىگە خۇش خەت بىلەن يېزىلغان ئەھدنامىنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ ئىبراھىم بۆرە تېكىنگە سۇندى. باشقىلارمۇ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇتلۇقلىدى.
تامغاچ بۇغراخان ئەھدنامىنى بەگىيۈسۈپكە بېرىپ تەختكە چىقىپ ئولتۇردى.
— تەقرىم پېقىر قولىغا كۆپ نەرسىلەرنى بېلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەي قىلالمايمەن، ئالىيلىرى. ئاللا رەھمەت قىلسۇن! ئەمدى بۇ قۇتلۇق ئىش تۈگىدى. پېقىرغا رۇخسەت قىلسىلا، بالاساغۇن دىيارىغا بالدۇرراق باراي. بۇ ئەھدنامە ئېلىكخاننىڭ يۈرۈش قىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى. ئاسىي قارا نىيەتلەرنىڭ جازالىنىشى — ئەھدنامىگە بېرىلگەن جاۋاب بولۇپ قالغۇسىدۇر، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئىجازەت سوراپ.
تامغاچ بۇغراخان كۈلدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ھۇۋلاۋاتقان بۆرىگە ئوخشايتتى.
— ياق، بەگىيۈسۈپ، ئىجازەت بېرەلمەيمەن. قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش بىزنى كۈتمەكتە. ئۇ ئىش ئادا قىلىنماي يۈرۈپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. بەك ئالدىرىسىڭىز، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ياقۇپ تېگىن بۇ ئەھدنامىنى ئېلىپ يولغا چىقسۇن. ماقۇل بولامسىز؟
بەگىيۈسۈپ بىرنەچچە دەقىقە ئويلىنىۋېلىپ جاۋاب بەردى:
— قوشۇلدۇم، تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، — بەگىيۈسۈپ باشقا گەپ قىلماي قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى.
— يۇغرۇش بېشى، فەرغانەدە تۇرۇۋاتقان سىپاھلىرىمىزغا چاپارمەن ئەۋەتىپ، ئەمرىمدىن خەۋەردار قىلىڭ. ئۇلار دەرھال قايتىپ كەلسۇن! — دېدى بۆرە تېگىن كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىغان ھالدا.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — تاجبىلمۈلۈك شەيخۇلئىسلام بىلەن بىللە ئارقىسىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى.
— جاندارلار بېشى، سىزمۇ ھازىردىن باشلاپ يول تەييارلىقىغا كىرىشىڭ!
— ئەمرلىرىنى ئورۇنلاشقا تەييارمەن، ئالىيلىرى، — خوشال
بولغان ياقۇپ تېگىن ئالتۇن ھالقىلىق ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
سارايدا ئىبراھىم بۆرە تېگىن بىلەن بەگىيۈسۈپلا قالدى.
3
مايمۇنە كۆزلىرىدىن ياش ئاققان ھالدا بەگىيۈسۈپ بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. لەۋلىرى يوپراقتەك تىترەپ، ئاغزىغا سۆز كەلمەي قالغانىدى.
— بالام، باغداتقا بارىدىغان كارۋاننى ئۇقۇشۇپ قويدۇم. كارۋان بېشى سىزگە باشپاناھ بولۇپ ئېلىپ كېتىشكە ۋەدە بەردى. مانا بۇ ئۈچ قىز سىزگە ھەمراھ بولۇپ يەمەنگە بارىدۇ. ئۇلارنى سىز ئۈچۈن قۇل بازىرىدىن سېتىۋالدىم. ئەرەبچە بىلىدىكەن. سۆزلىشىپ كۆرسەم، ئارزۇ — تىلىكى سىزنىڭكىدەك ئۆز تىنىگە كېتىش ئىكەن. رەڭگىمۇ، ئۇرۇقىمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، يۇرتى مىسىر ئىكەن. سىزگە ياخشى ھەمراھ بولغۇدەك. كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ. باغداتقا بارغاندىن كېيىن، يەمەنگە بارىدىغان كارۋان بىلەن يولغا چىقىڭلار. ئۆز تىنىڭىزگە قەدەم قويۇپلا، بۇ ئۈچ قۇلنى ئازاد قىلىۋېتىڭ. بولامدۇ قىزىم؟
بەگىيۈسۈپنىڭ «بالام، قىزىم» دېگىنىدىن سۆيۈنگەن مايمۇنە ئۇنىڭ مەيدىسىگە باش قويۇپ:
— ماقۇل ئاتا، ماقۇل، ئۆز تىنىمگە قەدەم قويۇپلا بۇ ئۈچ ھەمشىرەمنى ئازاد قىلىمەن، ھۆر ئادەم بولۇپ يۇرتلىرىغا قايتىدۇ، بىزدىن غەم يېمىسىلە. خوش، خۇدايىمغا ئامانەت، قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. خوش ئاتا، خوش، — دېدى بۇلاقتەك بولدۇقلاپ ئاققان ياشلىرىنى توختىتالماي. ئۇ ئاتقا مىنىۋېلىپ تاپىلىدى، — بەگىيۈسۈپ ئاتا، ئوردۇكەنتكە بېرىپ قالسىلا، دىلدار ئاغىچا بىكەگە مېنىڭ تارتىقلىرىمنى يەتكۈزۈپ قويسىلا، ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. خوش ئاتا …
— خوش قىزىم، ئاتا - ئانىڭىزغا، يۇرتداشلىرىڭىزغا سالامىمنى يەتكۈزۈڭ. ئامانەت سۆزىڭىزنى خۇدا بۇيرۇسا دىلدار ئاغىچىغا يەتكۈزىمەن. خۇداغا ئامانەت، خەير - خوش! …
مايمۇنە كۆزلىرىنى ساقلاپ تۇرغان كارۋانغا قاراپ ئېتنى دۇپۈتتى. شۇ چاغدا قىلىچ كۆتۈرگەن بىر نىقابلىق ئادەم ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ:
— مايمۇنە، سىز كېتەلمەيسىز، سىزنىڭ بەختىڭىز يەمەندە ئەمەس، سەمەرقەندتە، — دېدى ۋە قولىنى ئۇزارتىپ بېلىدىن قاماللاپ چاپچىپ تۇرغان ئېتنىڭ ئالدىغا ئېلىۋالدى.
— قويۇۋەت … قويۇۋەت! مەن ۋەتىنىمگە كېتىمەن، مېنىڭ بەختىم ئۆز ئېلىمدە… قويۇۋەت! — دەپ يۇلقۇنۇپ ۋارقىرىدى مايمۇنە.
— مايمۇنە … مايمۇنە خېنىم … نېمە بولدىلا؟ — دېدى يېنىدا ياتقان قىز.
ئۆز ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان مايمۇنە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئېچىپ، بېشىدا قاراپ تۇرغان ئىككى قىزغا تىكىلدى. جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرى تىنچلىنىپ، باياتىن كۆرگەنلىرىنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئاستا - ئاستا كۆڭلى ئارامغا چۈشتى.
— نېمە بولدى خېنىم، ئۈنلىرىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتۇق، — دېدى قىزلار ئۇنىڭ باش - بويۇنلىرىنى سىلاپ.
— ھېچنېمە بولمىدىم، مېنى قارا بېسىپ قاپتۇ قىزلار، يېتىپ ئۇخلاڭلار، — دېدى مايمۇنە ئورنىدىن تۇرۇپ. ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقانىدى. «ئەجەب قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەنا. خۇدايىم، يولۇم توسۇلۇپ قالماي، ئۆزۈڭ مەدەتكار بول» دەپ ئىلتېجا قىلدى ئۇ.
مايمۇنە كۆرگەن چۈشنىڭ غەلىتلىكىدىن ئەندىشىدە قالغانىدى. ئۇ تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدى. ئاللاھتىن ۋەتىنىگە سالامەت يېتىپ بېرىشقا نېسىپ قىلىشنى چىن قەلبىدىن تىلەپ
دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق يولغا چىققۇسى بار ئىدى. ئالتۇن تارىم سارابىكە مۇئامىلىسىنى توساتتىن ئۆزگەرتىپ، ئۆزى بىلەن كارى بولمايۋاتقان تۈنۈگۈندىن بېرى، ئۇنىڭ تېزىرەك كەتكۈسى كېلىپ قالغانىدى. بۈگۈن تاڭ سەھەر كۆرگەن چۈشى ئۇنى تېخىمۇ ئالدىراتماقتا ئىدى.
ئىبراھىم بۆرە تەگگىن بىلەن شىكارغا كەتكەن بەگىيۈسۈپ كەچتە قايتىپ كېلىپ، مەيۈسلىنىپ قالغان مايمۇنەگە ئۈمىد بەخش ئەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەنىدى. بۈگۈن ئەتىگەن كۆرگەن چۈشىنى يېنىدىكى قىزلارغا ئېيتىپ بېرىۋاتقاندا، بىر كېنىزەك كىرىپ خانىشنىڭ تاماكقا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىككى قىز بىلەن تاماقتىن كېيىن راھەتخانىغا چىقتى. ئالتۇن تارىم سارا تۈرگەن خاتۇن ئۇنىڭغا تۈنۈگۈنكىدەك سوغۇق مۇئامىلە قىلماي، ئىسسىق چىراي بىلەن كۈتۈۋالدى، يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن، ھەم قورۇنغان مايمۇنە رەھمەت ئېيتىپ تۇرۇۋاتقاندا، ئىبراھىم بۆرە تەگگىن كىرىپ كەلدى. ئۇ يۈزىنى يېپىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. تەلمۈرۈپ تۇرۇپ قالغان تامغاچ بۇغراخان خانىشنىڭ يېنىدا ئولتۇردى:
— خان قىز، زېرىكىپ قالمىغانسىز؟ — دېدى بۆرە تەگگىن ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ.
ئەگەر مايمۇنە ئاق تەنلىك بولسا، چىرايىنىڭ قىزىلگۈلدەك قىزىرىپ كەتكىنىنى خانىش كۆرگەن بولاتتى. مايمۇنەنىڭ چىرايى ئاقارغاندەك بولۇپ پارقىراپ كەتتى، مانا بۇ ئۇنىڭ ئىزادىن قىزىرىپ كەتكىنى ئىدى.
— ياق، ئالىيلىرى، زېرىكمىدىم، ئەمما …
— ھە، سۆزلەۋېرىڭ خان قىز، قانداق تەكلىپىڭىز بولسا ئورۇنلاپ بېرىمىز.
— باشقا تەكلىپىم يوق، ئالىيلىرى، بۈگۈن بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى مېنى سەمەرقەنتتىن يولغا سېلىپ قويماقچى ئىدى.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم بولاتتى. — بولىدۇ، بەگىيۈسۈپ بىلەن ھېلى كۆرۈشىسىز. بۆرە تېگىن ئورنىدىن تۇرۇپلا چىقىپ كەتتى. — يەنە ئازراق يەڭ، مايمۇنە. شىكارنىڭ بۇ نېمەتلىرى تەنگە ھەم شىپا، ھەم قۇۋۋەت بولىدۇ، — دېدى سارا تۈرگەن خاتۇن ئۇلار، قىرغاۋۇل، جەرەن گۆشلىرىدىن قىلىنغان تونۇر كاۋاپلىرىغا ئىما قىلىپ، — ئېرىم ھەمىشە شۇنداق، بۆرىدەك ئالدىراپلا تاماقتىن يەيدۇ. — ئوبدان يېدىم، خانىش ئالىيلىرى، رەھمەت، — مايمۇنە كېنىزەك سۇنغان شاھى لۆڭگىگە قولىنى ئېرتتى. ئۇ خانىشنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىدا بىر مەيۈسلۈكنىڭ ئالامىتىنى كۆردى. «ئەجەب ھە، تۈنۈگۈن ماڭا شۇنداق قوپال تەگكەن، خۇددى كۆندۈشۈپ قالغاندەك دۇمبىيىۋالغانىدى. بۈگۈن چىرايى ئېچىلىپ كېتىۋالدى، بۇنىڭ تېگىدە چوقۇم گەپ بار…» دەپ ئويلىغان مايمۇنەنىڭ بەگىيۈسۈپ بىلەن دەرھال كۆرۈشكۈسى كېلىپ تاقىتى تاق بولۇپ تۇرغاندا، كېنىزەك كىرىپ بەگىيۈسۈپنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ھەم مايمۇنەنى ھەرەمنىڭ ئىستىراھەت سارىيىغا باشلاپ كىردى. مايمۇنە خۇشاللىقىدا ئېگىلىپ سالام بەردى. بەگىيۈسۈپ: — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قىزىم، ئولتۇرۇڭ، — دېدى مېھرىبانلىق بىلەن. ئۇنىڭ چىرايى ئوچۇق، قارىشى غەمكىن ئىدى. — بۈگۈ بەلگە ئاتا، تۈنۈگۈن ئەتەنگەن شىكارغا چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاڭلاپ، قاچان كېلەر، دەپ بىتاقەت بولغاندىم. كۈتكىنىمگە يارىشا كېلىپتىلا. ئۆتۈنەي، پېقىرنى يولغا سېلىپ قويسىلا، ئاتا — ئانام تەلمۈرۈپ تۇرغان ئەزىز ۋەتىنىمگە پاتراق يېتەۋالاي، — ئۇ يامغۇردەك ياش تۆكۈلۈۋاتقان كۆزلىرىنى ئالىقانلىرى بىلەن توسۇۋالدى. — يىغلىماڭ قىزىم، ۋەتىنىڭىزگە بارىسىز، ئاتا —
ئانىڭىزنىڭ دىدارىغىمۇ يېتىسىز. بىراق، بۈگۈن سىزنى يولغا سېلىپ قويالمايدىغاندەك تۇرىمەن، — بەگىيۈسۈپ يېنىدىكى يۆگەلمەك داستىخانغا قاراپ قويۇپ سۆزىنى توختاتتى.
— نېمىشقا، بەگ ئاتا؟ بۈگۈن بولمىسا ئەتە يولغا سېلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، — دېدى مايمۇنە ئالدىراپ.
— ئەتەمۇ يولغا سېلىپ قويالمايمەن، قىزىم.
— نېمىشقا، زادى نېمىشقا؟ يېقىننى سەمەرقەنتتىن يولغا سېلىپ قويماقچى بولغاندىغۇ، ئاتا؟
— تەقدىر ئادەم ئويلىغاندەك بولمايدىكەن، قىزىم. سىزنىڭ سەمەرقەنتكە مەن بىلەن كېلىشىڭىزدە باشقا بىر ھېكمەت بار ئىكەن، — بەگىيۈسۈپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتماي توختىتىۋالدى.
— ئېيتسىلا، قانداق ھېكمەت ئۇ بەگ ئاتا؟
بەگىيۈسۈپ سۈكۈت قىلدى. ئۇ ئېيتماقچى بولغان گەپنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قالغانىدى.
— بۈگۈن بىلگە ئاتا، ئېيتسىلا. ئېيتالمىغۇدەك بىرەر ئىش بولسا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈپ بېرىمەن، — مايمۇنە قوينىدىكى خەنجەرنى ئالدى. ئۇنىڭ پوتىنكىدەك قارا كۆزلىرى يوغىناپ، چىرايى غەلىتە بولۇپ كەتتى.
— توختاڭ قىزىم، مەن دېمەكچى بولغان ھېكمەت شۇكى، بۈگۈن سىزنى يولغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەلچى بولۇپ ئالدىڭىزغا كىردىم.
— نېمە دېدىلا، بەگ ئاتا؟ ئەلچى …
— خەنجەرنى ماڭا بېرىڭ، قىزىم. ئۆلۈۋېلىش بىلەن ئارزۇغا يەتكىلى بولمايدۇ. ئارزۇ — ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن ئادەم تىرىك بولۇشى، چىداملىق بولۇشى كېرەك، — بەگىيۈسۈپ قولىنى ئۇزارتتى.
مايمۇنە ئويلاپ تۇرۇپ كېتىپ خەنجەرنى بەردى.
بەگىيۈسۈپ گەپنى ئەگىتمەيلا دېدى: — تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، قىزىم … توختاڭ، گېپىمنى بۆلمەي ئاخىرغىچە ئاڭلاڭ، ئۇ سىزنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالايدىكەن. شۇڭا، مېنى ئەلچى قىلىپ يېنىڭىزغا كىرگۈزدى. — مۇنداق دېسىلە، بەگ ئاتا … پېقىرەنىڭ پادىشاھقا لايىق كەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ ئەلچى بولۇشقا قانداقمۇ ماقۇل بولدىلا؟ ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئالىيلىرىغا زادىلا مۇناسىپ كەلمەيمەن! — دېدى مايمۇنە قەتئىيلىك، ھەم ئاچچىق بىلەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر ئىللىق سېزىم تارىلىپ، سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولمايدىغان بىر تۇيغۇ كۆڭلىدىكى غەزەپ ئوتىنى ئۆچۈرمەكتە ئىدى. — قىزىم، پۈتۈن كەچمىشلىرىڭىزنى تامغاچ بۇغراخانغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ئاڭلاپ «مەن بۇ قىزنى كۆرۈپ، مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋالغان كۆك بۆرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئەمدى ئۇنىڭدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەيمەن. ئەگەر ئەلچى بولۇشنى ماقۇل كۆرمىسىڭىز، مەنمۇ سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ماقۇل بولمايمەن»، — دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچى بولۇشقا ماقۇل بولدۇم، قىزىم، سىز بۆرە تېكىندەك باھادۇر پادىشاھقىلا مۇناسىپ. — تامغاچ بۇغراخاننى بۆرە باققانمىكەن، بەگ ئاتا؟ — كۆڭلىدىكى ئاچچىقلىنىش ئورنىنى قىزىقىش ئالغان مايمۇنەنىڭ بىلگۈسى كېلىپ سورىدى. بەگىيۈسۈپ بۆرە تېكىننىڭ كەچمىشلىرىنى قىسقىلا قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ دېدى: — تامغاچ بۇغراخان مانا شۇنداق جەسۇر پادىشاھ. ئۇنىڭغا ياتلىق بولسىڭىز بەختىڭىزنى تاپقان بولىسىز، بالام. مېنىڭ ماقۇل بولۇشۇمدىكى سەۋەبمۇ شۇ.
ھە، ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپتىكەن، دەسلەپ كۆرگىنىمدە ماڭا ناھايىتى سىرلىق تۇيۇلغانىدى …
بەگىيۈسۈپ ئونىڭ يۇمشاق قالغىنىنى بىلىپ، يېنىدىكى داستىخاننى ئاچتى. ئىچىدە بىر داستا شىرمەننان، بىر ھېلىھەم رۇمال، بىر ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك بار ئىدى.
قىزىم، بۇ داستىخاننى قوبۇل قىلغىن، يا بۇ خەنجەر بىلەن مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، بەگىيۈسۈپ خەنجەرنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
مايمۇنە خەنجەرنى تاشلاپ قويۇپ، داستىخاننى كۆتۈرگىنىچە ياتاق ئۆيىگە كىردى. بوپىدىن ئاق شاھى بەلباغنى ئالدى. ئونى بىر ناننىڭ ئۈستىگە قويۇپ، داستىخانغا يۆگەپ كۆتۈردى دە، بەگىيۈسۈپنىڭ ئالدىغا چىقتى.
بەگ ئاتا، شاھىنشاھ ئىبراھىم بۆرە تەگكەنگە تېگىشكە ماقۇل بولدۇم، پېقىرگە ئاتا بولۇپ بەركەيلا، دېدى ئۇ بوشقىنا، لېكىن بىر شەرتىم بار، تويدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بېرىپ ئاتا ئانامنى كۆرۈپ كېلىشىمگە ۋەدە بەرسۇن. ئەگەر بۇ شەرتىم ئورۇنلانمىسا، قېچىپ كېتىمەن، قېچىپ كېتەلمىسەم ھەرەمنى قانغا بويايمەن! ئونىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى.
قىزىم، بۇ توغرۇلۇق تامغاچ بۇغراخان بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇ توينىڭ قىرىق بىرىنچى كۈنى قىرىق بىر تۆگە سوۋغا سالام بىلەن يەمەنگە ئۆزى يولغا سالماقچى بولدى.
بۇ راستمۇ؟
ئىبراھىم بۆرە تەگكەن سۆزىدىن يانمايدىغان غەيۇر پادىشاھ، قىزىم.
ئىشەندىم، بەگ ئاتا …
ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن، قىزىم.
مايمۇنە بەگىيۈسۈپنى ئۇزىتىپ قويۇپ خانىسىغا قايتىپ كىردى. بىردەم يىغلاپ، بىردەم كۈلۈپ ئىككى ھەمراھى ھەيران
409
قالدۇردى. ئۇنىڭ چۈشى ئۆڭىدىن كەلگەنىدى.
ئەتىسى كېچىدە نىكاھ ئوقۇلدى. ئۇ بۇ كېچىنى چەكسىز سۆيۈنۈش ئىچىدە ئۆتكۈزدى.
كۆڭلى تىنغان بەگتۈسۈپ يۈز ئاچقۇ كۈنى بۆرە ئىنىدىن بالاساغۇنغا قاراپ يولغا چىقتى.
ئون تۆتىنچى باب
ئوردۇكەنتتىن كەلگەن يارلىق
1
بالاساغۇن ئاسمىنى ئاچۇق كۆك تۇمان بىلەن قاپلانغانىدى. يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى. قۇمۇدەك چۈشۈۋاتقان تامچىلاردىن ھاسىل بولغان تاراملار كوچىلارغا يامراپ، شارقىراپ ئېقىشقا باشلىغانىدى. ئەرلەر يەكتەك، تونلىرىنىڭ پېشلىرىنى يۇقىرى تارتىپ، خوتۇن - قىزلار كۆڭلەك، پەرەنجىلىرىنى سەل كۆتۈرۈپ ئېھتىيات بىلەن قەدەم تاشلىشاتتى. يامغۇر سۈيىنى كېچىپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرۈشەتتى. چۆچەكلەرنىڭ دالدىلىرىدا، يامغۇر ياققاندىلا ئوينايدىغان «كۆچ - كۆچ» ئويۇنىنى ئويناشقا كىرىشكەنىدى: تاياقلارنىڭ ئۇچىنى يەرگە كولانغان كامارغا تىقىپ، چەمبەر شەكىلدە تىزىلغان بالىلار «كۆچ - كۆچ!» دەپ بىرسىنىڭ كامىرىغا بىر تاياقنى تىقىۋېلىپ، ئۇنى سىقىپ چىقىراتتى - دە، «يەڭدىم!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى…
يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى. توپا - چاڭلار يۇيۇلۇپ، شاخ - شۇمبا، يوپۇرماقلىرى زۇمرەتتەك يارق crappy كەتكەن دەل - دەرەخلەر يۇيۇنۇۋاتقان سۇمبۇل چاچلىق قىزلاردەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى.
مانا شۇنداق يامغۇر - يېشىنلىق كۈندە بالاساغۇن شەھىرىنىڭ غەربىدىكى «قوۋۇقى سەمەرقەنت»تىن كىرگەن بىر توپ
ئاتلىقلار ئويناۋاتقان بالىلارنى قېچىشقا مەجبۇر قىلىپ، تاراسلاپ ماڭغانلىرىچە ئوردا ئالدىغا كەلگەندىلا پىيادە بولۇشتى.
بىرىنچى بولۇپ ئاتتىن چۈشكەن يىگىت دۆبۈلغە - ساۋۇت كىيگەن ھەمراھلىرىنى باشلاپ، قاراۋۇللارغا قاراپمۇ قويماي ئوردا ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىۋەردى.
— توختاڭلار! — ئىككى ياندا تۇرغان قاراۋۇللار نەيزىلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى، — سىلەر كىم بولىسىلەر؟ ئەجەب زوۋان سۈرمەي، جاندارلاردەك كىرىپ كېتىۋاتىسىلەرغۇ؟!
— مەن ئېلىكخاننىڭ ئىنىسى ياقۇپ تېگىن بولىمەن. سەمەرقەنتتىن كېلىشىم.
قاراۋۇللار نەيزىلىرىنى تارتىپ يول بەردى.
— مەرھەمەت شاھزادە، تونۇيالماپتۇق.
ياقۇپ تېگىن ھەمراھلىرىنى ئوردا مېھمانخانىسىغا باشلاپ قويۇپ، ئۆزى دىۋانخانىغا كىردى. بىر قىسىم ۋەزىر، ھاجىپلار بىلەن كۆرۈشتى. ئىشىكئاغىسىدىن ئىنىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇققان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان سارايدىن چىقىپ ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچتى.
— ئۇكام، كەلگىنىڭ توغرۇلۇق نېمىشقا ئادەم ئەۋەتىپ مېنى ۋاقىپلاندۇرمىدىڭ؟ ئالدىڭغا چىقىپ كۈتۈۋالمامدىم. ئابام، سىڭلىم، تۇغقانلار تىنچ - ئامانلىقمۇ؟
— يېقىن تىنچلىقنى كەچۈرسىلە ئاكا. ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلماي دەپ خەۋەر بەرمىگەندىم. ئابام بۇخاراغا بارغاندىن كېيىن خېلى ياخشى بولۇپ قالدى. تۇغقانلارمۇ سالامەت ئىكەن. بىزنى ئوبدان كۈتۈۋېلىشتى.
— بۇخارادىن كېلىشىڭمۇ ئۇكام؟
— ياق ئاكا، سەمەرقەنتتىن كېلىشىم. ئاباملارنى بۇخاراغا ئاپىرىپ قويۇپ، قايتىشىمدا سەمەرقەنتكە چۈشۈۋېدىم، تامغاچ بۇغراخان خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، مېنى يېنىدا ئېلىپ
قالدى، ياقۇپ تېگىن ئۆزلۈكىدىن تۇرۇپ قالغىنىنى دېيىشتىن ئوڭايسىزلاندى بولغاي يەرگە قارىۋالدى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئونى سارايغا باشلاپ كىرىپ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى تەختكە چىقتى.
تامغاچ بۇغراخان نېمىشقا سېنى سەمەرقەنتتە تۇتۇپ قالدى، ئۇكام؟
«سەن بىلەن مەن ئىككىلىمىز بۇغرا قاراخانلارنىڭ نەۋرىسى ئىكەنمىز. ماڭا ياردەمچى بولۇپ بۇ يەردە تۇرۇپ قال» دەپ مېنى جاندارلار بېشى قىلىپ قويدى ئاكا، شۇڭا …
تامغاچ بۇغراخاننىڭ جاندارلار بېشى بولدۇم دېگىن. نېمىشقا ئاكام يولۇمغا قاراپ قالىدۇ، دېمىدىڭ؟ ئاچچىقلىنىپ سورىدى ئېلىسخان.
دېدىم، ئەمما تامغاچ بۇغراخان: «سەنمۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، ئاكاڭنى مەن خەۋەرلەندۈرۈپ قوياي. يېنىمدا تۇرۇپ قېلىشىڭغا ماقۇل بولىدۇ» دەپ، ھەرەمدىن قەسىر ئاجرىتىپ بەردى، ئاكا. مەن بويۇنتاۋلىق قىلالمىدىم.
مۇنداق دېگىن. ئۇنداق بولسا قوزغۇردۇغا نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟
ياقۇپ تېگىن قويۇن يانچۇقىدىن بىر لېپاپنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندى:
بەگىيۈسۈپ ئاغامنىڭ ئورنىدا بۇ ئەھدنامىنى ئېلىپ كەلدىم، ئاكا.
بەگىيۈسۈپ ئاغامنىڭ ئورنىدا؟ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈڭمۇ؟
ھەئە، ئۇ سەمەرقەنتكە كەلگەن كۈنلا كۆرۈشكەندىم. تامغاچ بۇغراخاننىڭ دوستى ئىكەن ئەمەسمۇ، كاتتا ئىززەت ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ ئاچچىقى شۇ ھامان ياندى.
ئۇكام ئېيتىپباق، تامغاچ بۇغراخان بەگىيۈسۈپنىڭ
دېگەنلىرىگە قوشۇلدىمۇ؟ — قوشۇلدى، ئاكا. ئەھدنامىنى ئوقۇپ چىقىپلا، بېلىلا. ئېلىكخان لېپاتىن ئەھدنامىنى ئېلىپ ئوقۇدى — دە، تەختتىن چۈشۈپ ياقۇپ تېگىننى قۇچاقلىدى. — سەن ئېلىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەپسەن. رەھمەت ساڭا، — ئۇ ئىنىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ، تەخت يېنىغا ئولتۇرغۇزدى، — دېمەك، تامغاچ بۇغراخان بىزنىڭ قارارىمىزغا قوشۇلۇپتۇ. بەگىيۈسۈپ ھەقىقەتەن چارە — تەدبىرلىك ئۇلۇغ زات ئىكەن. ئۇ بىزنى چوك مەغلۇبىيەتتىن ساقلاپ قالدى. ئەمدى چوقۇم قارا نىيەت ئاسىيلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز. مەن بۇ ئەھدنامىنىڭ مەزمۇنىدىن يوغۇرۇش، ھاجىپ، سۇباشلارنى ۋاقىپلاندۇراي، — ئۇ سۆزدىن توختاپ سورىدى، — ئۇكام ئېيتىپ باق، ئەسلىدە بۇ ئەھدنامىنى بەگىيۈسۈپ ئېلىپ كېلىشى زۆرۈر ئىدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن سەمەرقەنتتە قالدى. تامغاچ بۇغراخان بىلەن قىلغان سۆھبىتى تۈگىمەيمۇ، ياكى سەمەرقەنتتىكى سودا — سېتىق ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟ — بۇنى مەن ئۇقالمىدىم، ئاكا. تامغاچ بۇغراخان «سەن بالاساغۇنغا ئالدىنراق بېرىپ، بۇ ئەھدنامىنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا يەتكۈزۈپ بەرگىن. بەگىيۈسۈپ بۇ يەردىكى ئىشلارنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بارىدۇ» دەپ مېنى يولغا سېلىپ قويغانىدى، باشقا ئىشتىن خەۋىرىم يوق، — دېدى ياقۇپ تېگىن راستىنى ئېيتىپ. «ئەجەبا بەگىيۈسۈپ پۈتكۈزمىسە بولمايدىغان قانداق مۇھىم ئىش بولغىيدى؟ يا ئۆزىمۇ تامغاچ بۇغراخان قېشىدا ئېلىپ قالماقچى بولغانمىكەن؟…» — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئويغا چۆمدى. — ئاكا، سىلىگە تامغاچ بۇغراخاننىڭ سوۋغىتىنى تېخى تاپشۇرمىدىم. توققۇز جۈپ سەمەرقەنت ئارغىمىقى بىلەن توققۇز جۈپ گۆھەر ئەۋەتىپتۇ.
بۇ ئەھدنامە سەمەرقەنتنىڭ مىڭ ئالتۇنىدىنمۇ قىممەتلىك ئۆكام. مەن بۇنىڭدىن چەكسىز خۇرسەن بولدۇم.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئىشىكئاغىسىنى چاقىرىپ بۇيرۇدى:
بارلىق يۇغرۇش، ھاجىپ، سۇباشلار دەرھال يىغىلسۇن!
خۇپ ئالىيلىرى!
ھايال ئۆتمەي ئېلىكخان سارايىغا يىغىلغان ئەربابلارغا ئەھدنامىنى ئوقۇپ بەرگەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ھاياجانلانغان ھالدا دېدى:
جانابلار، بۈگۈن بىلگە ھاجىپ بەگتۈزۈپ تامغاچ بۇغراخان بۆرە تېگىننى پەرغانىدىكى لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىشكە ماقۇل قىلىپلا قالماي، بەلكى شەرقىي قاراخانىيلار ئېلىگە باستۇرۇپ كىرمەسلىك توغرۇلۇق ئەھدە ئاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن يول ئېچىلدى.
«بەگتۈزۈپ بۆرە تېگىننى گەپكە كىرگۈزەلمەيلا قالماستىن، ئونىڭغا يەم بولۇپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىغان يۇغرۇش بېشى قۇتلۇقبەگ ئەھدنامىنى ئاڭلاپ ئوڭۇشۇپ كەتتى. ئونىڭ چەلىپكى يەرگە چۈشكەندى. تاتارغان چېھرىدە خوشامەت كۈلكىسى پەيدا بولغاندا، زوۋان سۈرمەستىن قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ بېشىنى ئېگىپ تۇردى.
كۆچىگە كۆچ قوشۇلغاندەك بولۇپ روھلىنىپ قالغان ئېلىكخان:
پەرمان! دەپ ئونلۇق توۋلىغاندا ھەممىلەن ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇشتى.
سۇباشلار، لەشكەرلەرنى دەرھەمەل ئاتلىنىشقا ھەر قاچان تەييار قىلىپ تۇرۇڭلار! ھاجىپ بەگتۈزۈپ سەمەرقەنتتىن كېلىشى ھامان ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىمىز!
پەرمانبەردارمىز، ئالىيلىرى! سۇباشلار قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
— بۈگۈن نامازدىگەرلىكتىن كېيىن بەگ تەرەكسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا قاتنىشىپ بەركەيسىلەر! — باش ئۈستىگە ئالىيلىرى! — دېيىشتى ۋەزىر — ۋۇزۇرالار. ئىككىسى ھەم ئوردا ئەرەبلىرى بىلەن سارايدىن چىققان ياقۇپ تېگىن چار باغ ئالدىدىكى شاھ سۇپىسىدا، سوۋغاتلارنى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئارغىماقلار بىر — بىرىدىن تېز، چىرايلىق ئىدى. ھەممىسى قوغۇن رەڭدە بولۇپ، تۈكلىرىنى قامچىدەك يارقىرىتىپ چاپچىپ تۇراتتى. گۆھەرلەر ھەر خىل رەڭدە چاقناپ، قارىغانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتتى. تاي — تاي ئەتلەس، بەقەسەملەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ ئارغىماقلارنى پادىشاھ ئاتخانىسىغا، گۆھەرلەر بىلەن ئەتلەس، بەقەسەملەرنى خەزىنىگە تاپشۇردى. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ بەگىيۈسۈپنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى. ئۈچ كۈن ئۆتۈپ تۆتىنچى كۈنى زاۋال ۋاقتىدا ئورداغا كىرگەن چاپارمان: — مەن ئوردۇكەنتتىن بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ يارلىقىنى ئېلىپ كەلدىم، — دەپ بىر لىپاپىنى ئوردا ياساۋۇللار بېگىگە تاپشۇردى. ئۇ دەرھال ھەزرىتىگە بەردى. ئۇ ئىستىراھەت سارىيىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا ئىككى قوللاپ سۇندى: — چاپارمان ئوردۇكەنتتىن ئېلىپ كەپتۇ، ئالىيلىرى. ئېلىكخان چۆرىسىگە ھەل بېرىلگەن لىپاپتىن خوتەننىڭ پاتلىق قەغىزىگە خۇش خەت بىلەن يېزىلغان يارلىقنى ئېلىپ ئوقۇدى:
بۇغرا قاراخان ئىبراھىم ئارسلانخاننىڭ يارلىقى
بالاساغۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن
ئارسلانخانغا يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بۇغرا قاراخان ئاتام بەختكە قارشى سويىقەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، دىۋانى ئارىز، توغرائى دىۋاننىڭ بىرلىشىمى كېڭىشىدە، بۇغراخان جەمەتى ۋە يۇغرۇش، ھاجىپلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بۇغرا قاراخان بولۇپ تەختتە ئولتۇردۇم. ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز، يىگىرمە تۆت ئۇرۇق قەۋمى ياشاۋاتقان ئوردۇكەنت، ئودۇن، مىڭلاق، بالاساغۇن ئىسپىجاب، بارسخان، ماۋەرائۇننەھر، پەرغانىنىڭ ئارسلانخان، ئېلىكخان، يابغۇ، چاغرى بەگلىرى مېنى شەرتسىز ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. كىمكى ئېتىراپ قىلمايدىكەن، مەنەسىپتىن قالدۇرۇلۇپ، كاللىسى ئېلىنىدۇ. جۈملىدىن سىزنىڭمۇ بۇغرا قاراخان بولغىنىمنى ئېتىراپ قىلىپ، بىر يىللىق سېلىقنى تارتۇقلار بىلەن ئوردۇكەنتكە دەرھال ئېلىپ كېلىشىڭىزنى بۇيرۇيمەن. ئەگەر بۇ يارلىقنى ئادا قىلمىسىڭىز، قوشۇنۇم بىلەن باستۇرۇپ بارىمەن. سۆز تامام ۋەسسالام.
ھىجرىيە 450 - يىلى جامادىيەسسانىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى ①، ئوردۇكەنت.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ ۋۇجۇدىغا غەزەپ تىترىكى ئولاشتى. «ھە، مەن تېخى سېلىق، تارتۇقلارنى ئېلىپ بېرىپ ئايىغىغا باش قويامدۇمەن؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ! ئوردۇكەنتكە مانا مەن باستۇرۇپ بېرىپ جاجاڭنى بېرىمەن! …»
ئۇ يارلىقنى سىقىملاپ تۇرۇپ:
— چاپارماننى ئالدىمغا كەلتۈرۈڭ، — دېدى ھەرەمبېگىگە. ھاقارەتكە، كەمستىشكە ئۇچرىغان ئىنسان غۇرۇرىنى يوقاتمىغان بولسا، ھەر قانداق قىلىپ ئۆز قەدر - قىممىتىنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىدۇ، جان تىكىپ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلايدۇ. ئەگەر پادىشاھ بولسا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. پۇقرا بولسا
① مىلادىيە 1058 - يىلى 5 -، 6 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
پىچاقنى غىلاپىدىن سوغۇردى …
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بوزەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇغرا قاراخاننىڭ قىساسكار ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ ئەۋەتكەن بۇ يارلىق ئونىڭ چەك تارتىلغان تاقەت كەمرىنى ئۈزۈۋەتكەندى. ئونىڭ جۇدۇنى دەريا دولقۇنىدەك ئۆرلەپ، كۆزىگە قىزىللىق تىقىلدى.
— چاپارمان كەلدى، ئالىيلىرى! — دېدى ئىشىكنى قىيا ئېچىپ تىزلانغان ھەرەمبېگى.
— كىرسۇن!
— ئۈچكە ساقال، ياغاق يۈز، ئاق شاپاق دوپپىسىغا چاڭ-توزان قونۇپ كىرلىشىپ كەتكەن، پاكار بويلۇق، پاقا كۆز ئادەم ئىشىكتىن كىرىپ، يەكتىكىنىڭ پېشلىرىنى باستۇرۇپ تىز چۆكتى.
— ئېلىكخان ئالىيلىرى ئامان بولغاي.
— ئورنۇڭدىن تۇر!
چاپارمان قامىتىنى رۇسلاپ، قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
— ئېتىڭ نېمە؟
— قارا باخشى.
— قايسى قەبىلىدىن؟
— ياباقۇ ① قەبىلىسىدىن.
— سەن ئوردا چاپارمىنىمۇ؟
— مەن بۇغرا قاراخاننىڭ ئەييارى.
— ئەييارى؟ ھە، ئېسىمگە كەلدى. سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغان. چاپارمەنلەر ئۈچ كۈندە باسىدىغان يولنى سەن بىر كۈندە بېسىپ بولىدىكەنسەن. بۇ راستمو؟
— راست، ئالىيلىرى. ئاتتىن ئىتتىك يۈگۈرەلەيمەن.
— يۇرتۇڭ قەيەردە؟
① ياباقۇ — قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. بايقالنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشىغان.
— بايقال كۆلى بويىدا. — ئوردۇكەنتكە قاچان كەلگەندىڭ؟ — كەلمىدىم، مېنى ئېلىپ كېلىشكەن. — كىم ئېلىپ كەلگەن؟ — بۈگۈش دېگەن ئادەم داڭقىمنى ئاڭلاپ يۇرتۇمغا بېرىپتكەن. مېنى ئىزدەپ تاپتى. «سەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا لايىق ئىكەنسەن» دەپ ئاتا — ئانامغا يۈز تىللا بېرىپ تالاس شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن، ئوردۇكەنتكە ئېلىپ كېلىندىم. ئۇ يەردىمۇ دورباشى بولۇپ ئىشلىدىم. يۇغرۇش بېشى قەيسەر بەگ ھەر ئايدا ئەللىك تىللا بېرىپ تۇردى… — توختا! ئەھۋال چۈشىنىشلىك بولدى، — ئېلىكخان ئۇنى سۆزدىن توختاتتى. «بىرقانچە يىلدىن بېرى بوزاغۇ ئۆز ئادەملىرىنى تەرەپ — تەرەپكە ئەۋەتىپ، ياراملىق، قەيسەر چەۋەندازلارنى ئەتراپىغا توپلاپ، ئوردا ئۆزگىرىشىگە تەييارلىق قىلغانىكەن — دە. ئەستاغپۇرۇللا … ئېلىكخان ئويلاپ، غەزەپلىك نەزىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى. — سەن ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ؟ — ۋەلىئەھدىگە تاج كىيدۈرۈلۈپ بەگ تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، يۇغرۇش بېشى قەيسەر بەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇغرا قاراخان ئاتا — بالىغا قەست قىلغان ئۈچ نەپەر ھاجىپ، يۇغرۇشلارنى ئۆلتۈردۈم. يەنە … — بەس! ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنسەن! — ماڭا تۇز بەرگەن، بېشىمنى سىلىغان ئادەمنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇم، ئالىيلىرى. — راست گەپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم، — دېدى ئېلىكخان خەنجەرنى غىلاپتىن سوغۇرۇپ. ئۇ تەختتىن چۈشۈپ بارغىنىچە قارا باخشىنىڭ ئوزۇن ساقىلىنى شارتتىدە كېسىپ تاشلىدى ۋە ھەرەمبەگنى چاقىرىپ، —
سېرتماق ئېلىپ كەل! دەپ بۇيرۇدى. قارا باخشى تىترەپ كەتتى. لاغىلداپ تەتەرەپ يەرگە باش قويدى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ، كۆتۈپ تۇرۇۋىدى، ھەرەمبېگى كىردى. ئۇ ئېلىپ كىرگەن سېرتماقنى قارا باخشىنىڭ بوينىغا سېلىپ، مەكتۇپنى قولىغا تۇتقۇزدى. نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، كۆزۈمدىن يوقال!
2
كۈتۈشمۇ تۇرمۇشتا كىشى ھەمىشە دۇچ كېلىدىغان كۆڭۈلسىز، زېرىكىشلىك، ئادەمنى بىتاقەت قىلىۋېتىدىغان بىر ھالەت. كۈتكەن ئادەم كېچىكمەي كەلسە، كۈتكەن مەكتۇپ ۋاقتىدا تەگسە، كۈتكەن ئىش تەخىرسىز بېجىرىلسە… دېمەك، كۈتۈشنىڭ ئاقىۋىتى خەيرلىك بولدى دېگەن گەپ. ئەگەر كۈتكىنىڭ كېچىكسە بىتاقەت بولغىنىڭدىن جېنىڭغا ۋاي. قورقۇنچلۇق ئويلار مېڭىنى قۇرتتەك يەپ سېنى ھەممىدىن بىزار قىلىۋېتىدۇ. كۈتۈش بىلەن ئۆتكەن بىرنەچچە مىنۇت ياكى بىر قانچە سائەتتىنمۇ ئۇزاق تۇيۇلىدىغان ۋاقىت مەۋجۇتمىدۇ؟ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بەگىيۈسۈپنى كۆتۈپ، تاقىتى تاق بولغىنىدىن چاچقۇن، سەپرا بولۇپ قالدى. قۇتلۇقبەگنىڭ خوشامەتلىرىمۇ كۆڭلىنى ئارامغا چۈشۈرەلمىدى. قارا باخشىنى سارايدىن ھەيدەپ كەتكۈزۈۋەتكىنىگە ھەپتە بولدى. يەنە بىرنەچچە كۈن ئۈن تىنسىز ئۆتۈپ كەتتى. ئېلىكخانغا ئۆتكەن ھەر كۈن بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ، كۆزى يولدا بولۇپ قالدى. يەنە بىر ھەپتىمۇ ئۆتتى. بەگىيۈسۈپنىڭ كېلىشىگە ئىنتىزار بولغان ئېلىكخان بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سارايغا كىرىپ تۇرۇشىغا، ئىشىكئاغىسى:
— ئالىيلىرى، چاپارمان كەلدى، — دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. — چاپارمان؟ بەگتۈسۈپ ئەۋەتىپتۇمۇ؟ — يوقسۇ ئالىيلىرى، توغرۇل قاراخان ئەۋەتىپتۇ. — قېنى ئۇ چاپارمان؟ — دىۋانخانىدا. — چاقىرىڭ! — خۇپ، ئالىيلىرى! ئىشىكئاغىسى چاپارماننى باشلاپ كىردى. ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى قوللاپ مەكتۇپنى سۇنۇپ بەردى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان مەكتۇپنى ئېچىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بارلىق مەۋجۇداتنىڭ تەقدىرىگە ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھقا سېغىنىپ، ئەلۆك دىيارىڭىزغا قەدەم قويدۇم، ئىنىم. دىدار كۆرۈشۈشىمىزنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان. ھىجرىيە 450-يىلى ماھى رەجەپنىڭ ئۈچىنچى كۈنى».①
ھەيران بولغان ئېلىكخان مەكتۇپتىن كۆزىنى ئۈزۈپ چاپارمەندىن سورىدى: — تاغام توغرۇل قاراخان قەيەردە قالدى؟ ئۇ قوزئوردۇغا قاچان يېتىپ كېلىدۇ؟ — خۇدا بۇيرۇسا ئەتە چۈشتىن كېيىن ئالىيلىرى، — دەپ جاۋاب بەردى سەل ئويلىنىۋالغان چاپارمان.
① مىلادىيە 1058-يىلى 6-، 7-ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
— بوسۇغىمىزغا كېلىپ قاپتىغۇ. ئىشىكئاغىسى، بۇ چاپارمانگە سۆيۈنچە ئۈچۈن يېڭى سەرپاي ① ۋە ئون تىللا بېرىلسۇن! — باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، — ئىشىكئاغىسى چاپارماننى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. «تاغام نېمىشقا بالاساغۇنغا كەلگەندۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر سەۋەب بار. ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشىم كېرەك» دەپ ئويلاپ، تەختتىن چۈشكەن ئېلىكخان يۇغرۇش بېشى قۇتلۇقبەگكە: — توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان تاغام ئەتە يېتىپ كېلىدىكەن. بارلىق ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە سىپاھىلار بىلەن ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىڭ! — دەپ ئەمىر قىلدى. — باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان قۇتلۇقبەگ كېيىنچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى. ئەتىسى چاشكا ۋاقتى بىلەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ۋەزىر — ۋەزىرالارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوردىدىن چىقتى. ياقۇپ تېكىن، ئەبۇ ئەھمەد چاغرى تېكىن بىلەن قاتارلىشىپ ماڭدى. ئۇلار «دەرۋازەئى قۇت» ② دىن چىقىپ، سۈيى ئۆلۈشۈپ قالغان چۇ دەرياسى بويىغا كەلگەندە، ئوڭ تەرەپكە ئۆرۈلۈپ، بارسىغانغا بارىدىغان چوڭ يولغا چۈشتى. يولنىڭ بىر تەرىپى چاتقاللىق، بىر تەرىپى ئېكىنزارلىق ئىدى. دېھقانلارنىڭ بۇغدىيى ئورۇلۇپ بولغان، ئۇلار ئېتىز بېشىدىكى مەيداندا خامان تەپشۈراتاتتى. ھەرياندىن مۇڭلۇق «لاي — لاي» ناخشىسى ئاڭلىناتتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئەتراپىغا كۆز سالغان ھالدا قامچىسىنى شىلتەپ ئېتىنى ئىلگىرىلەتتى. چەكسىز كەتكەن
① يېڭى سەرپاي — يېڭى كىيىم — كېچەك. ② «دەرۋازەئى قۇت» — سائادەت دەرۋازىسى.
ياپيېشىل يايلاققا كەلگەندە ئاتتىن چۈشتى. باشقىلارمۇ پىيادە بولدى. جاندارلار ئېلىكخاننىڭ بېشىغا ئىككى ياندىن كۈنلۈك تۇتتى.
— تاغام توغرۇل قاراخاننى مەشھەدە ساقلايلى. خانتۇيى ① تىكىلسۇن! — دېدى ئۇ.
مۇلازىملار بىردەمنىڭ ئىچىدە خانتۇيىنى تەييار قىلدى.
— ئالىيلىرى خانتۇيىغا كىرىپ ئارام ئالسلا، — دەپ تەكلىپ قىلدى قۇتلۇقبەگ.
— بۇ يەر قوزغۇردىدىن سالقىنراق ئىكەن. بىردەم ساپ ھاۋادا نەپەسلىنىۋالاي، — دېدى ئېلىكخان ئىككى قولى بىلەن ئاپتاپنى توسۇپ كۆككە نەزەر سېلىپ. ياز قۇياشى مۆنبەت دالادا ئوتلۇق نۇرىنى تۆكمەكتە ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئوت چۆپنى يالاپ قوپۇۋاتقان مەيىن شامال ئۆزىنىڭ ھۇزۇرلىق سالقىنى بىلەن ئېلىكخانغا راھەت بېغىشلىدى. ئۇ يېيىلىپ يايلاۋاتقان ئات، كالا، قوي پادىلىرىغا، بۇغا، مارال، كېيىك توپلىرىغا نەزىرىنى سالدى. ئەتراپ شۇنداق گۈزەل، خوش ھاۋا ئارامبەخش ئىدى.
«تەڭرىم بەندىلىرىگە نېمىدېگەن مېھرىبان — ھە! راھەتلىنىپ ياشاشى ئۈچۈن مانا شۇنداق ئەلۆھەك زېمىننى ئاپىرىدە قىلغان تۇرسا، نېمىشقا پېتىشماي، ئىچى قارىلىق قىلىپ، ئېكىنزارلىقلارنى، باغۇبوستانلارنى قانغا بوياشقا بىر بىرىمىزنى مەجبۇر قىلىمىز» دەپ خىيالەن ھەسرەت چېكتى ئۇ. ئېلىكخان ئۆز بۇ ئانا ۋەتەننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. بۇ خىسلەتلىك ماكاننى توي ئويناشقا، سەيلە ساياھەت، شىكار قىلىشقا، ئۆگىنىشكە، ئىزدنىشكە لايىق دەپ قارايتتى. زۇلۇم قىلىشقا، ھەسرەت، نادامەت چېكىشكە، قان تۆكۈشكە مۇناسىپ ئەمەس دەپ بىلەتتى. بىراق، گۈزەل خىيالنىڭ ئەكسىچە
① خانتۇيى — شاھانە چېدىر.
بولۇۋاتقىنىدىن ئەپسۇسلىناتتى، ئۆكۈنەتتى.
شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئويچان نەزىرى ئىككى شاھزادىگە چۈشتى. ياقۇپ تېكىن بىلەن چاغرى تېكىن يالۇرنى بەتلەپ قۇتلاۋاتقان جەرەنلەرنى قارىغا ئېلىۋاتاتتى.
— ئاتامانلار، بۈگۈن شىكار قىلغىلى ئەمەس، توغرۇل قاراخان تاغامنى قارشى ئالغىلى چىقتۇق. شادىيانە چېپىشقا بولىدۇكى، يادىن ئوق ئۈزۈشكە، قىلىچ كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ، — دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان جىمىپ كەتكەن تەرزدە.
ئىككى شاھزادىە يالۇرنى يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
— خان ئاكا، بىكار تۇرغۇچە شىكار قىلساق نېمىشقا بولمايدۇ؟ ئەتراپتا ئوۋ شۇنچە كۆپ تۇرسا، ئادەمنىڭ ئوۋلىغۇسى كېلىپ كېتىدىكەن. بۆرە تېكىن تاغام: «ۋاقىت بولسىلا جەڭ ماھارىتىڭنى ئۆستۈر. قىلىچنى چاققانلىق بىلەن كۆزلەنگەن يەرگە چېپىش، ئوقنى نىشانغا تەگكۈزۈش، نەيزىنى جان ئالىدىغان يەرگە سانجىش ئۈچۈن ئېرىنمەي مەشىق قىلىش زۆرۈر. شىكار — ئەڭ كۆڭۈللۈك مەشىق قىلىشتۇر.» دەپ شىكار قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ قويغانىدى. شۇڭا، مەن قەيەردە بىكار تۇرۇپ قالسام ۋاقىتنى زاۋە قىلغۇم كەلمەيدۇ، — دېدى كۆڭلىدىكى گەپنى يوشۇرمايدىغان ياقۇپ تېكىن قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ تۇرۇشقان جەرەنلەردىن كۆزىنى ئۈزمەي.
— بۆرە تېكىننىڭ دېگىنىمۇ توغرا، ئۇكام. ئەمما، ھەر بىر ئىش — ھەر يەكنىڭ ئۆز لايىقىدا بېجىرىلىدىغان ئورنى، ۋاقتى — قارايى، پايدا — زىيىنى بولىدۇ. شىكارنى ئەڭ ياخشىسى دالادا، جىلغىدا، دەريا بويلىرىدا قىلىش كېرەك. يول ئۈستىدە، بولۇپمۇ بۇنداق پادىشاھ، ئەسكەرلەرنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ۋاقىتتا شىكار قىلىش مەنەلىكتىن چىقىدۇ. ئاۋامغا ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. ئاكاڭنىڭ بۇ گېپىنىمۇ ئېسىڭدە تۇتقىن!
ئېلىكخاننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ياقۇپ تېكىن «ياق» ياكى «ماقۇل» دېمەي جىم تۇرۇۋالدى. ياش — دە، ياش بولغان ئادەم
ھەر ئىشتا ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ. چوڭلار ئالدىدا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكلىرىنى ئەيىب سانىمايدۇ.
«توغرۇل قاراخان تاغام كەلگۈچە شىكار قىلىپ تۇرغاننىڭ نېمە يامانلىقى؟ ئاكامزە ھەممە ئىشنى ئۆز رېتى، تەرتىپى بىلەن قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قالسا، ئارىلىشىپ كەتسە، بۇنىڭ نېمە كارايىتى؟ ئۇ ياش ۋاقتىدىمۇ مۇشۇنداق ئېغىر بولغىسمىدى؟ بۇ يەردە سىقىلىپ قالىدىغان ئوخشايمەن. بەگىيۈسۈپ تېزرەك كەلسە بولاتتى. ئەلابىكە يولۇمغا قاراپ قالدى…» دەپ ئويلاۋاتقان ياقۇپ تېگىن يىراقتىن كۆرۈنگەن چاڭ - توزانغا قاراپ ئىختىيارسىز ۋاقىرىۋەتتى:
— توغرۇل قاراخان تاغام كەلدى!
ئاسماندا ئەگىپ ئۇچۇۋاتقان لاچىنغا كۆز سېلىپ، ئوغلى بىلەن ئىنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان نەزىرىنى يولغا تىكتى.
چاڭ - توزان ئارىسىدىن بىر توپ ئاتلىق چىقىپ كەلدى.
ئېلىكخان ئوغلى، ئىنىسى، ۋەزىر، ئەمىرلەرى بىلەن كېلىۋاتقانلارغا قاراپ ماڭدى.
ئاتلىقلار ئارىسىدا ئېگىز چاقلىق شاھانە ھارۋىدا ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ كۆزى ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخانغا چۈشۈپ:
— توختاڭلار! — دەپ ئەمىر قىلدى ۋە ھارۋىدىن چۈشتى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قاراخان تاغا، قۇتلۇق قەدەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن، — دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىر تىزىنى يەرگە قويۇپ.
كۈمۈش رەڭ دۇبۇلغىسىغا ئالتۇن ئوتۇغات قادالغان توغرۇل قاراخاننىڭ ئاقىرىشقا باشلىغان ساقىلى تۆمۈر ساۋۇت يېپىپ تۇرغان كۆكرىكىگە يېيىلىپ تۇراتتى. بەستلىك بۇ ھۆكۈمدار ئىتتىك كېلىپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننى ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
— ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئېلىكخان بالام، تەڭرىم يەنە دىدار كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر قىلدى، — دېدى ئۇ قۇچاقلاپ، ئاندىن ئۆزەر، ھاجىپ، ئەمىرلەر بىلەن كۆرۈشتى. ياقۇپ تېگىن، چاغرى تېگىنلەرنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ، ئۇلارغا ئامانلىق ۋە جاسارەت تىلىدى.
— سالامەت قوزغۇردۇغا كەلگەنلىرىدىن ناھايىتى مەمنۇنمىز، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئالاھىدە تەييارلانغان ئوسسۇزلۇق — مۇزدەك ئانار شەربىتى قويۇلغان كۈمۈش جامنى قاراخانغا تۇتتى، — ئۇزاق يول يۈرۈپ چارچىدىلا، چاڭقاپ كەتتىلە. بۇ قوزغۇردۇ ئەھلىنىڭ مېھرى.
— بۇنچىۋالا كاتتا ھۆرمەت، داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىنىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدېدىم. ئۆزلىرى ئالدىمغا چىقىپلا، بالام. ئۈزۈلگەن ئۈمىدىم ئۇلانغاندەك، سونغان قانىتىم ئەسلىگە كەلگەندەك، يېرىم كۆڭلۈم پۈتۈن بولغاندەك تېتىكلىشىپ قالدىم. پېقىر تاغىلىرىنى كۆپ خۇرسەن قىلدىلا، — دېدى توغرۇل قاراخان ئۈستىخان قاشلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
— ئالىيلىرى، ئاتامنىڭ ئورنىدا قالغان ئاتا تۇرسىلا، ئالدىلىرىغا چىقىپ ھۆرمەتلىرىنى قىلمىسام، بۇغراخان جەمەتىگە قانداق يۈز كېلەلىيەيمەن؟ ئۆزلىرىنىڭ خانلىقىمىزغا تۈۋرۈك بولۇپ تۇرۇپ بەرگەنلىرىنىڭ ئۆزى ئامەت. پېقىرنى پاناھ تارتىپ كەلگەنلىرىدىن نېمىشقا سۆيۈنمەي. قانداق خىزمەتكە بۇيرۇسىلا پەرمانبەردارمەن! — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
ئۇ ھۆرمەتلىك تاغىسىنى ئېلىپ ئېلىزادەگ يېتىلەپ كەلگەن بۇغرا تۆگىنى چۆكتۈرۈپ مىندۈردى.
— قۇتلۇق قەدەملىرى ئەلگە ئەمىنلىك بەخش ئەتكەي. قوزغۇردۇغا مەرھەمەت قىلغايلا، — دەپ چۇلۋۇرنى تۇتۇپ، يېتىلەپ ماڭدى ئېلىزادەگ.
توغرۇل قاراخاننىڭ خانىش، بالىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن مەپە بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بۇ تاغىسىنى بالىلىرى بىلەن ھەرەم قەسرىگە، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئوردا مېھمانخانىسىغا چۈشۈردى. ئۇ كۈنى دەم ئالدۇرۇپ، ئەتىسى تاغىسى شەرىپكە بەگ تەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ھۆرمەتتنى قىلدى ۋە تامغاچ بۇغراخان بۆرە تېكىن ئەۋەتكەن «ئەھدنامە» نى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.
توغرۇل قاراخان ئوقۇپ چىقتى. غەمكىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. يايپاق ساقىلىنى سىيپاپ:
— ئەلھەمدۇلىللا شۈكۈر، ئەلھەمدۇلىللا شۈكۈر، — دەپ مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىككىنچى قېتىم بۆرىنىڭكىدەك كۆكۈچ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ پەرغانىدىن سىپاھلىرىنى چېكىندۈرمەكچى بولغانلىقى، ئۇنى ھەم سۆيۈندۈرۈپ ھەم خىجالەت قىلىپ قويغانىدى.
— مەرھۇم بۇغرا قاراخان ئاكام سۇلايمان ئارسلانخان دەۋرىدە، ئۆدۈن، ئوردۇكەنتكە بىر قانچە يىلدىن ئېلىكخان بولۇپ، بۇنداق خىجىلچىلىقتا قالمىغانىدىم. ھالا پەرغانە دىيارىغا ئېلىكخان بولۇپ بارغىنىمدىن كېيىن، راھەت پاراغەتكە بېرىلىپ، غەپلەتتە قالغىنىمنى يوشۇرمايمەن، ئېلىكخان بالام. باج سېلىق، تارتۇقلارنى ئوردۇكەنتكە يوللاپ بېرىپ، ھېچنېمە بولمايدۇ، دەپ ھۇزۇر ھالاۋەتكە بېرىلىپ كەتكىنىممۇ راست. مەشىق قىلماي بوشىشىپ لايغەزەل بولۇپ كەتكەن سىپاھلىرىمنىڭ كارغا كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشى چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەنىدى. ئۇلار بۆرە تېكىننىڭ ئازغىنا سىپاھلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، خەلقتىنەم ئالدىدا مېنى شەرمەندە قىلدى، ئۇياتقا قويدى. پىداكارلىق روھى بولمىغان، جەڭگىۋارلىقى يوق قوشۇن مەغلۇپ بولماي قالمايدىكەن. سىپاھلىرىممۇ ماڭا ئوخشاش بىخۇدلىشىپ كەتكەچكە دەسسەپ
تۇرۇۋاتقان زېمىننى ئاسانلا قولدىن بېرىپ قويدى. ھېلىمۇ بۆرە تېگىنىڭ ئىنسابى بار ئىكەن. ئونىڭدىن رەنجىمەي، ھوشۇمنى تېپىشىمنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلۈكىنى مۇشۇ تاپتا بىلىۋاتىمەن. بالام ئېيتىسلا، تامغاچ بۇغراخان قانداق بولۇپ بۇ ئەھدىنامىنى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىپ قالدى؟ دېدى توغرۇل قاراخان ھەسرەت نادامەت بىلەن.
ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان تاغىسىنى نازۇك-مۇلايىم تىللارغا ئېلىپ تېگىشكە تەكلىپ قىلىپ دېدى.
ئۆزلىرىدىن كەلگەن مەكتۇپ يۆگرۈش، ھاجىپ، سۇباشلار ئارا مۇنازىرە قوزغىۋەتتى. مەن ئوردو-كەنتكە يۈرۈش قىلىشتىن يېنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا بارماقچى بولدۇم. بىر قىسىم يۆگرۈش، ھاجىپلار مېنىڭ قارارىمنىڭ قوشۇلمىدى. يەنە بىر قىسىم يۆگرۈش، ھاجىپلار ئوردو-كەنتكە يۈرۈش قىلىشتا چىڭ تۇردى. نائىلاج بولۇپ قالغىنىمدا بەگىيۈسۈپ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ماڭا ئەقىل كۆرسەتتى …
ئونىڭدىن شۇ كۈنكى بەس مۇنازىرە، تالاش تارتىش ئەھۋالنى، بەگىيۈسۈپنىڭ پىداكارلىق بىلەن بۆرە ئېنىغا كىرمەكچى بولۇپ بەرگەن تەكلىپىنى باشتىن ئاخىر ئاڭلىغان توغرۇل قاراخان:
بىلدىم بالام، بىلدىم. تامغاچ بۇغراخاننى ئىنسابقا كەلتۈرگەن بۈگۈنكى بەگىيۈسۈپ ئىكەن دە. نېمىندىگەن ئالىيجاناب، ساداقەتمەن زات ھە! دېدى ھاياجانلانغان ھالدا، ئاتام ۋاپات بولغاندا ئوردو-كەنتتە كۆرۈشۈپ ئونىڭ پاساھىتىگە قايىل بولغانىدىم. ئۇ چاغدا ياشلا يىگىت ئىدى … ئۇ ئۆتكەنلەرنى ئەسلەپ كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا سۆزىنى داۋام قىلدى، سۇلايمان ئارسلانخان ئاكام ۋە بەگىيۈسۈپنىڭ بېشىغا كەلگەن قارا كۈن مېنىڭ بېشىممۇ كەلدى، بالام. بۇ جاھان شۇنداق جاھان ئىكەن. ھە، بەگىيۈسۈپنىڭ ئۆزى كۆرۈنمەيدىغۇ؟
— تېخى سەمەرقەنتتىن كەلمىدى. بۆرە تەگكەن زۆرۈر ئىش بار، دەپ ئېلىپ قاپتۇ، تاغا. — ئۈچ بىر تۇغقاندىن مەندىلا قالغان تۇرسام، تاغا دېمەي مېنى ئاتا دېسەڭ، بالام. — مۇھەممەد ئارسلانخان تاغامنىڭمۇ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپلا — دە، تاغا، — ئۇ توغرۇل قاراخاننىڭ لېۋىنىڭ چىشلىگىنىنى كۆرۈپ، دەرھال سۆزىنى ئۆزگەرتتى، — ئاتا، بۇ شۇم خەۋەرنى كىمدىن ئاڭلىدىلا؟ — ئوردىكەنتتىن يارلىق كەلگەندە بىلدىم، بالام. — يارلىق؟ — ھەئە، ئىبراھىم تەگكەن يارلىق ئەۋەتكەنكەن، مانا ئوقۇپ باقسىلا، بالام، — توغرۇل قاراخان تۆمۈر رەڭ بەقەسەمدىن تىكىلگەن شاھانە تونىنىڭ قويۇن يانچۇقىدىن يارلىقنى ئېلىپ بەردى. ئېلىكخان ئوقۇپ بىلدىكى، ئۆزىگە كەلگەن يارلىق بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا ئىكەن. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ پەيزى ئۇچتى. چېھرى ئۆچۈپ، پېشانە تومۇرلىرى كۆپۈپ چىقتى. — ئۇ خۇنپەر مۇناپىق ماڭىمۇ ئۆتكەن ئايدا شۇ مەزمۇندا يارلىق ئەۋەتىپتىكەن. شۇنى ئويلىساملا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالىمەن، ئاتا، — دېدى جۇدۇنى ئۆرلەپ. قۇتلۇقبەگ كۈمۈش جامغا مەيزاپ قويۇپ ئونىڭغا تۇتتى: — بۇ خاپىلىقنى ئالىدۇ. غەم بۇلۇتىنى باشتىن تارقىتىۋېتىدۇ. بۈگۈن بىر ئىچىپ قويسىلا، شاھىم. — بەس، ئىچمەيمەن! شارابنىڭ ئونداق كارامىتىگە ئىشەنمەيمەن. شارابخوردا ئىمان — ۋىجدان بولمايدۇ، يۇغرۇش بېشى. شاراب ھەممە بالا — قازانى باشلاپ كەلگۈچى ئېزىتقۇدۇر. شاراب ئىچكۈچىلەرگە ئىنساب تىلەيمەن! — قولىنىڭ كەينى بىلەن سىلكىپ ئىتتىرىپ، پەتنۇسقا قويۇلغان جامنى ئۆرۈۋەتتى ئېلىكخان ئاچچىقلىنىپ.
قولىنى جامغا ئوزىتىۋاتقان توغرۇل قاراخان تەخسىدىكى دۆملەپ پىشۇرۇلغان ئولار گۆشىدىن بىر پارچە ئالدى. ئۇ پەرغانىدىن بارسىغانغا كەلگەندىن بېرى ئىچمىگەن بولۇپ قالغانىدى. باياتىن قۇتلۇقبەگ سۇنغان ئىككى جام شارابنى ئىچىۋەتكەنىدى. ئەبو ھەسەن ئېلىخاننىڭ ئىچمىگىنىنى كۆرگەچكە، ئۈچىنچى قېتىم جامغا قول ئوزارتىشتىن يالتىپ قالدى. «ئىچمىسەم بوپتىكەن، ئۇياتقا قالدىم…»
جامغا شاراب قويۇۋاتقان قۇتلۇقبەگمۇ ئېلىخاننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ توختاپ قالدى.
— قويۇڭ، يۇغرۇش بېشى. نېمىشقا توختاپ قالىسىز؟ توغرۇل قاراخان تاغامنىڭ دەردى كۆپ، ھەسرىتى ئېغىر. ئىچىپ پۇخادىن بىر چىقىۋالسۇن! — دېدى ئەبو ئېلى ھەسەن ئارسلانخان تەنە قىلىپ، ئىچمەيدۇ، دەپ تونۇپ كەلگەن تاغىسىنىڭ بۇنداق مەيخور بولۇپ قالغىنىدىن ئەجەبلەنگەن تەرىزدە.
قۇتلۇقبەگ يەنە قويۇشقا تەمشەلدى. توغرۇل قاراخان قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى توسۇپ قويدى.
— قويماڭ، يۇغرۇش بېشى. مەن مەيخور ئەمەس، — ئۇ ئەبو ئېلى ھەسەن ئارسلانخانغا قارىدى، — بالام، مەن راستلا مەيخور ئەمەس. قاچانكى پەرغانىنى بۆرە تېگىنگە تارتىقۇزۇپ قويغاندىن بېرى، ئەلەم يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرۇپ ئىچمىگەن بولۇپ قالدىم. ئەسلىدە بالام سىلى ئېيتقاندەك بۇغراخانلار جەمەتىگە ۋە پۈتۈن ئەھلى ۋەتىنىمگە مەي ئىچىش مۇناسىپ كەلمەيتتى. مەن بىخەستەلىكىمدىن بېشىمغا كەلگەن جۇدالىققا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم. ئىچىپ غەمدىن قۇتۇلماقچى بولدۇم.
— ئىچىپ غەمدىن قۇتۇلۇپلا — دە؟ — ئەبو ئېلى ھەسەن ئارسلانخان ئۇنىڭ بەقەمەدەك قىزارغان كۆزلىرىگە، دەرىلدەپ تۇرغان ساقىلىغا سەپشىلىپ سورىدى.
— غەمدىن قۇتۇلمىدىم، بالام. ئىچكەنسېرى ئۈمىدسىزلىنىپ غەمدىن خالى بولالماي چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم.
بۇ نېمە دېگەنلىرى، ئاتا؟ بەزى مەيخورلار شرابنىڭ بىردەملىك كەيپىنى دۇنيا غەملىرىدىن خالاس قىلىدىغان ھوزۇرلۇق دەقىقە، دېيىشىدىكەنغۇ. ئەجەب سىلىنىڭ ئىچكىرى غەملىرى كۆپىيىپ كېتىپتىغۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
نېمە ئۈچۈن بولاتتى، بالام؟ تەندىن تولۇق ئاقىرىپ كەتكەن ساقىلىنى تۇتاملاپ ئېغىر تىن ئالغان توغرۇل قاراخان سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، راست، مەي دېگەن بۇ نەرسە دەسلەپتە ئىچكەندە ئادەمنى روھلاندۇرۇپ شېرىن خىياللارغا غەرق قىلىدىكەن. ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەتكۈزىدىكەن، كۈلدۈرىدىكەن، يىغلىتىدىكەن، ھەتتا باتۇر قىلىۋېتىدىكەن. مەستلىك يېشىلىپ كەيپ تارقىغاندا بولسا، ئادەم يەنە بۇرۇنقىدەكلا غەمكىن، دەردمەن بولۇپ قېلىۋېرىدىكەن. بەلكى تېخىمۇ روھسىزلىنىپ، چۈشكۈنلىشىپ، ئاشۇ بىردەملىك كەيپنىڭ ھوزۇرىنى يەنە سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق مەينى قوغلىشىدىكەن. مەيخور بولۇپ كېتىدىكەن، بالام. ئاقىۋەت ئۆزىنى نابۇت قىلىش ئارقىلىق بالائاپەتلەرنى داغى ھەسرەتتە قويىدىكەن. مەن بۇنى بىلىمەن. مەيخورلارنىڭ كۆپى بىلىدۇ. كىشىلەر بىلىپ تۇرۇپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئۆزلىرىنى ھالاكەت دەشتىگە تاشلىشىدۇ. ھالبۇكى، قوزغۇردۇغا كەلمىگەن بولسام مەنمۇ مەيخور بولۇپ كەتكۈدەكمەن. سىلى ئۇلۇغ دانىشمەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بوۋىمىزنى ئەسلىتىپ، دەرھال بۇ نەرسە باسار ھەۋەستىن رايىمنى ياندۇردىلا. مەن سىلىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بالام.
توغرۇل قاراخان نەپىس ياسالغان كۈمۈش جامنى قولىغا ئېلىپ بىر سىقىم بىلەن ماكچايتىۋەتتى. قۇتلۇقبەگنىڭ ئالدىدىكى خۇمرىنى ئېلىپ بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگۈنچە يىراققا ئېتىۋەتتى.
ئوبدان قىلدىلا، ئاتا. مەي ئىچىش سىلى دېگەندەك ئاقىۋەتسىزگە سەۋەبكاردۇر. بۇنىڭدىن قول ئۈزۈپ ياخشى قىلدىلا،
دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، — ئولتۇرۇسلا، ئەمدى بۇ قۇتلۇق سورۇنىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرايلى. توغرۇل قاراخان ئولتۇرۇپ، شاتۇت شەربىتى قويۇلغان جامنى قولىغا ئالدى. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە مەي ئىچىش چەكلەنگەن ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئەھلى مەي ئىچىشنى تەرك قىلغان بولسىمۇ، بەزى قەبىلىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ قارلۇق، ياباقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر ئارىسىدا مەي ئىچىش داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى. شاھزادىلەر ئارىسىدىمۇ يوشۇرۇن ئىچىدىغانلار بار ئىدى. ئوردىدا ئۆتكۈزۈلگەن بەگ تەرىكىسى ۋە ئادەتتىكى زىياپەتلەردە مەي ئىچىشكە رۇخسەت قىلىناتتى. قۇتلۇقبەگ يۇغرۇش بېشى بولغاندىن بۇيان ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان مەيخورلۇققا توغرۇل قاراخان شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بەگ تەرىكىسىدە يەنە شۇنداق بىر يوللا خاتىمە بېرىلدى.
3
بۈۋىئايىشە ئاخىرقى بىمارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاستا ئورنىدىن تۇردى. يەكنەندازدا ئولتۇرۇپ ئويۇشۇپ قالغان پۇتلىرى ئەسلىگە كەلگۈچە ئۇياق - بۇياققا ماڭدى. بېشى سەل قايغاندەك بولۇپ، بىر قولىنى دېرىزە تەكچىسىگە تىرەپ تۇرۇۋالدى. ئەتىگەنلىكتىن - چۈشكىچە، چۈشتىن - كەچكىچە يەكنەنداز ئۈستىدە مىختەك ئولتۇرۇپ بىمارلارنى كۆرۈپ، تەكشۈرۈپ، كېسەلنى ئېنىقلاپ، داۋالاشقا كىرىشىش ئاسان ئەمەس - دە. — ئاتاساغۇن خېنىم، چارچاپ قالدىلا، ئەمدى خانىلىرىغا چىقىپ ئارام ئېلىۋالسلا بوپتىكەن. بېگىمنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى، — دېدى كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن
بىمارنى ئوزىتىپ قويۇپ كىرگەن شاگىرت قىز كۆيۈنگەن ھالدا يېنىغا كېلىپ:
— بېگىمنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى دېدىڭمۇ؟ مەن تېخى ۋاقتى بالدۇرمىكىن، دەپتىمەن، — ئۇ دېرىزىدىن ئولتۇرۇشقا نەيزە بويى قالغان كۈنگە قاراپ، دەھلىزلىك مېھمانخانا ئۆيدىن چىقتى.
بۇ ئۆينى ئېرى ئالىپ ئېلىزادەگ خوتۇنىنىڭ كېسەل كۆرۈشى ئۈچۈن ياساتقانىدى. كەچكىچە كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. گەرچە ياز كۈنلىرى ئىسسىپ كەتسىمۇ، بۇ ئۆي جەننەت قەسرىدەك يورۇقلۇقى، ئازادىلىكى بىلەن كېسەللەرگە راھەت بېغىشلايتتى.
ئۇ «ئېرىم چۈشتىمۇ كەلمىدى. كېلىدىغان ۋاقتى بوپتۇ. تاماق تەييار بولدىمۇ، قاراپ باقاي» دەپ ھويلىنىڭ سول تەرىپىدىكى چىنار دەرىخى سايە تاشلىغان ئاشخانىغا كىردى. تاماق ئېتىۋاتقان خىزمەتكار ئاياللار:
— خېنىم، كەلسىلە، — دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. «مىياۋ — مىياۋ» قىلغىنىچە قۇيرۇق شىپاشتىپ كەلگەن مۆشۈك ئۇنىڭغا تېنىنى سۈركىدى.
— تاماق تەييار بولغان ئوخشىمامدۇ؟
— تەييار بولدى، خېنىم.
— بېگىم كېلىشى ھامان ئۇسسۇزلۇقنى، ئاندىن تاماقنى ئېلىپ كىرىڭلار. قوغۇن — تاۋۇزنى كېيىنرەك يەيمىز. ھازىر شاگىرتلىرىمغا، بىمارلارغا تاماق تارتساڭلار بولىدۇ.
— دېگەنلىرىدەك قىلىمىز، خېنىم.
بۆگۈنئايشە رازى بولغان ھالدا ئاشخانىدىن چىقتى. ئالاهىدە خانىغا كىرىپ، دورا تەييارلاۋاتقان شاگىرتلىرىنى ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ قويۇپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىردى. كۆرپىدە يانتۇ يېتىپ خىيالچان كۆزلىرىنى گۈلدار تورۇسقا تىكتى:
«ئاتامنىڭ سەمەرقەنتكە كەتكىنىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى.
ياقۇپ تېگىننىڭ كەلگىنىگە خېلى كۈنلەر بولدى. ئاتام نېمىشقا كەلمەيدىغاندۇ؟ ئېرىم «كېلىدۇ، ئەنسىرىمەڭ» دېگىنى بىلەن، كېچىكىپ قالغىنىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى. خۇدا شۇ غەمگۇزار ئاتامنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، ئامان - ئېسەن دىدار كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلغىن…» دەپ ئىلتىجا قىلىۋاتقىنىدا، «ئابا - ئابا!» دەپ يۈگۈرۈپ كىرگەن زۆبەيدە ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندى.
- ئاتام قېنى؟
- كەلمىدى، قىزىم.
- نېمىشقا كەلمەيدۇ؟
- بىلمىدىم، قىزىم، ئىشى چىقىپ قالغان چىغى. زۆبەيدە بودرۇق قوللىرى بىلەن ئانىسىنىڭ كۆكسىنى سىلىدى. مانا شۇنداق گېپى چۈچۈك، قىلىقى تاتلىق سەبىي ئوغۇل - قىزىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ قالغان بۇۋىئايىشە بۇ قىزغا كۈندىن - كۈنگە ھېرىس بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سىپىلەكلەرنى قولى بىلەن تاراپ، توغاچتەك مەڭزىگە يېپىشلاپ سۆيدى.
- جانىبىدا غوجاممۇ كەلمەيدىغۇ. سېغىنىپ كەتتىم، ئابا، - كۆمۈتتەك قاپقارا كۆزلىرىدە تەلمۈرۈپ باقتى زۆبەيدە.
- كېلىدۇ بالام، كېلىدۇ، - بۇۋىئايىشە قىزىنىڭ بەستىگە شۇنداق ياراشقان ئەتلەس كۆڭلىكىنىڭ پۇرلۇشۇپ قالغان ئېتەكلىرىنى تۈزلەشتۈرۈپ، چىمەن دوپپىسىنى چىكىسىگىرەك قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى.
- قاچان كېلىدۇ، ئابا؟
- قاچان كېلىدۇ. دېمەسەن قىزىم؟ - بۇۋىئايىشە ئۇنىڭ گۈل پورىكىدەك لەۋلىرىگە لېۋىنى باستى، - ئاكاڭ كەچ كىرگۈچە كېلىدۇ. ساڭا جىق نەرسە ئېلىپ كېلىدۇ، - دېدى ئوغلىنىڭ كېلىشىگە ئىنتىزار بولۇپ، ئۆمۇ ناھايىتى سېغىنغانىدى. جانىبىدا غوجامنىڭ كەلمىگىنىگە ھەپتە بولغانىدى. ئىككى
434
كۈندە بىر قېتىم كېلىپ يوقلاپ كېتىدىغان بۇ ئۆسمۈر ئانىسىنى ئەنسىرىتىپ قويغانىدى.
سېغىزخاننىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئانا بىلەن قىز تەڭلا ئىشىككە قاراشتى. ئوچۇق ئىشىكتىن جىمجىت دەھلىز كۆرۈندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئالتاغىل موشۇك پەيدا بولدى. ئاندىن يېنىدا غوجام كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەلدى.
— ئاپا! …
— بالام …
بۇۋىئايىشە زۇبەيدىنى كۆتۈرگىنىچە، غۇلاچ يېيىپ كەلگەن ئوغلىنى باغرىغا تاڭدى.
— ئاكا، نەگە كەتتىڭ — ھە! — دېدى ئېگىزلىپ زۇبەيدە ۋە بۈدرۈق قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىلىدى.
— مەدرىسەدە ئوقۇدۇم، ئۇكام، — يېنىدا غوجام زۇبەيدىنىڭ يۇمران ئالىقىنىنى يۈزىگە باستى.
— نېمە ئوقۇدۇڭ؟
— كىتاب.
— كىتاب دېگەن نېمە؟
— ھېكمەتلىك گەپ.
— ھېكمەتلىك گەپ؟ ئۇنى يېگىلى بولامدۇ؟
يېنىدا غوجام كۈلۈۋەتتى.
— ئۇنى يېگىلى بولمايدۇ، ئۇكام. كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بەك قىزىق.
— بەك قىزىق؟ ماڭا ئۇ كىتابتىن ئەكەلدىڭمۇ، ئاكا؟
— ساقلا، توپ، چاكوم، شۇنا ياقاق ئەكەلدىم. يەنە بىر قېتىمدا قىزىق كىتابتىنمۇ ئالغاچ كېلىمەن.
يېنىدا غوجام مومىسى تىكىپ بەرگەن چىرايلىق خالتىدىن توپنى چىقاردى. خىلمۇخىل بوز يىپنى يۆگەپ، تورلاپ ئەتكەن بۇ توپ بىنەپشە، سۆسۈن، ئاق، قارا تۆت خىل رەڭدە چاقناپ تۇراتتى. ئاندىن شاپتۇل ئۈچكىسىنى سۈرۈپ سىلىقلاپ قويغان
بېشىتال چاكومنى بەردى. زۆبەيدە خوشاللىقىدىن ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ ئاكىسىنى قۇچاقلاپ سۆيدى. جانىبەك غوجام بىر پارچە شىنا ياقاقنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
— ئاكاڭغا ھەشقاللا، دە قىزىم! — دېدى بۇۋىئايىشە بالىلىرىغا مەستلىكى كېلىپ.
— ھەشقاللا ئاكا. سەن شۇنداق چوڭ ئادەم بولغىن، — دېدى قىزچاق قوللىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، — مەن چىقىپ ئاداشلىرىم بىلەن توپ، چاكوم ئوينايمەن.
زۆبەيدە جانىبەك غوجامنى يەنە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆيدىن پىژىلداپ چىقىپ كەتتى.
— ئوغلۇم، يولۇڭغا بەك قارىدىم. نېمىشقا بىرنەچچە كۈندىن بېرى كەلمىدىڭ؟ — سورىدى ئانا.
— ئاخۇن بوۋام ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىۋاتاتتى. «ئوتتۇز ھەرپ بىلەن يۈزگىچە ساننى يېزىشنى ئۆگىنىپ بولمىساڭ، بىر يەرگە بارىمەن دەپ ئويلىما. شىكارغىمۇ چىقمايسەن، ئاباڭنىڭ يېنىغىمۇ بارمايسەن» دەپ ئۆيدىن چىقارمىدى. ھەر كۈنى ھەرپ، ساننى يېزىشنى مەشىق قىلدىم. بەگتۈرمۈش ئاكاممۇ «ياخشى ئۆگەن» دەپ مېنى ئوينىتىپ بازارغا ئېلىپ چىقمىدى. بىلگە مومايلار «بىرئاز دەم ئېلىپ ئويناۋال» دەپ تۇرىدۇ. ئەمما، مەن ئوينىماي ئۆگەندىم، ئابا، — دېدى چوڭ ئادەمدەك ئالدىرماي سۆزلەپ.
— ئۆگىنىپ بولدۇڭمۇ، بالام؟
— ئۆگىنىپ بولدۇم، ئابا.
— ئاخۇن بوۋاڭ، بىلگە موماڭ ئاغرىپ قالمىغاندۇ — ھە، بالام؟
— ئاغرىپ قالمىدى، ئابا، بىزنى يوقلاپ كەلمىدى، دەپ ئۇلار سەندىن خاپا.
— كەلگەن بىمارلارنى كۆرۈپ داۋالايمەن دەپ بارالماي قالدىم، بالام.
— ئەتە مەن بىلەن بارغىن، ئابا. — ماقۇل، بالام، — بۈبۈئايىشە ئوغلىنى باغرىغا باستى، — بالام جېنىم بالام، يا، مېنىڭ قېشىمدا تۇرامسەن؟ — سېنىڭ ئۆيۈڭدىمۇ؟ — جانىبەك غوجام بېشىدىكى بادام دوپپىسىنى ئېلىپ غىجىملاب تۇرۇپ دېدى، — ئاخۇن بوۋامنىڭ يېنىدا تۇرىمەن، ئابا. «ئوغلوم چوك بوپتۇ. گەپلىرىمۇ پۈتۈن. ئېلىزادەكنىڭ ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە قېشىمدا تۇرغۇسى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا ئېرىم بۇ ئۆگەي ئوغلىغا زىيادە ئامراق. بۇنى ئوغلوممۇ بىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ…» — ئابا، ئالىپ ئاتام كەلمىدىمۇ؟ جانىبەك غوجامنىڭ سوئالى ئانىنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى. — تېخى كەلمىدى بالام. ئىشى چىقىپ قالغان چىغى. — بۈگۈن بىزگە بوۋام قاچان كېلىدۇ، ئابا؟ — پات يېقىندا كېلىدۇ، بالام. سېغىنىپسەن — ھە! — بەك سېغىندىم، ئابا. بۈگۈن بىزگە بوۋام سەمەرقەنت تايچىقىدىن بىرنى ئالغاچ كېلىمەن دېگەنىدى. — كېلىدۇ، بالام. بۈگۈن بىزگە بوۋاڭ سەمەرقەنتتىن كۆپ نەرسە ئېلىپ كېلىدۇ. — مەن بۈگۈن بىزگە بوۋام كەلگۈچە، ئونىڭ، ئاخۇن بوۋامنىڭ، موللا خېنىم مومامنىڭ، سېنىڭ، بەگتۈرمىش ئاكامنىڭ ئېتىنى يېزىشنى ئۆگىنىۋالىمەن. — ئوبدان ئويلاپسەن، بالام. ئۆگىنىۋالغىن، ئېلىزادەگ ئاتاڭنىڭمۇ ئېتىنى يېزىشنى ئۆگىنىۋالغىن، بولامدۇ؟ — بولىدۇ، ئابا. بۈبۈئايىشە ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە مەڭزىنى يېقىپ تۇرۇپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋالدى. جانىبەك غوجام بالاساغۇنغا كەلگەندىن بېرى ئانىسىنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇمنى «ئاخۇن بوۋام»،
بەگىيۈسۈپنى «بۈگۈ بىلگە بوۋام» دەپ ئادەتلەنگەنىدى. ئاشان بۇقانى «بۇقا بوۋام»، ئادار باينى «باي بوۋام» دەيتتى. يېقىشلىق، تىلى چۈچۈك بۇ گۆدەك ئاچا - ئاكىلىرىنىمۇ ئۆزىگە لايىق سۈپەت بىلەن ئاتاپ، ھەممىلا يېنى ئۆزىگە ئامراق قىلىۋالغانىدى.
- ئاخۇن بوۋاك، موللا خېنىم موماك ساق تۇرغاندۇ، بالام؟ - سورىدى ئۇلارنى كۆرگۈسى كەلگەن بۇۋىئايىشە.
- ساق تۇرغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ساق تۇردى، ئابا. سەن نېمىشقا بارمايسەن، مېنى كۆرگۈڭ كەلمەمدۇيا؟ - ساددا، ئاق كۆڭۈل بالا كۆڭلىگە كەلگەننى سورىدى.
- كۆرگۈم كېلىدۇ، بالام. دېدىمغۇ، كېسەل داۋالايمەن دەپ بارالمىدىم.
- قاچان بارىسەن ئابا؟
- دېگىنىڭدەك ئەتە سەن بىلەن بىللە باراي. بۇنىڭدىن كېيىن پات - پات بېرىپ، بوۋام - مومايلاردىن ھال سوراپ، سېنى كۆرۈپ كېلىمەن. ئەمدى خوشال بولغانمەن؟
- ھەئە، - جانىبىدا غوجام ئورنىدىن تۇردى، - مۆكمۆكلەڭ ئوينايمەن، - ئۇ ئىشىككە قاراپ ماڭدى، ئانىسى:
- بالام كەچ كىرىپ كەتتى. بىرئاز ئويناپ سىرتىنى ئېلىپ كىرگىن، - دەپ ئارقىسىدىن توۋلاپ ئورنىدىن قوپۇشقا ئېلىزادەگ كىرىپ، چىقىپ كېتىۋاتقان جانىبىدا غوجامنى كۆتۈرۈۋالدى. بۇۋىئايىشە قەندىللەردىكى شامنى يورۇتتى.
- مەن بىلەن كۆرۈشمەي تۇرۇپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەيسەن، ئوغلۇم، - دېدى ئۇ بالىنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتا، - جانىبىدا غوجام پېلتىڭ ئېتىپ تۇرۇپ سالام بەردى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم. بوۋام - مومايلار سالامەتمۇ - ھە!
- سالامەت ئاتا. ئۆزۈڭمۇ ياخشى تۇرغانسەن؟
- ياخشى تۇردۇم، بالام.
— نېمىشقا ۋاقىتلىق، ئاتا؟ ئېلزادىبەك جانىبىدا غوجامنى يەرگە دەسسەپ بۈۋىئايىشىگە قارىدى. — خوتۇن، ئاتام سەمەرقەنتتىن كەلدى. — ئاتام كەلدىمۇ، قەيەردە قالدى؟ — بۈۋىئايىشە روھلىنىپ قالغان ئېرىگە خوشاللىنىپ قارىدى. — بۈگۈن چۈشكە يېقىن ئورداغا تۇيۇقسىز كىرىپ كەلدى. ئېلىكخانمۇ ھەرەمگە قايتماي ئارامگاھ سارىيىدا ئۇنى كۈتۈۋالدى. مەن شۇڭا كېلەلمىدىم. — بۇ گەپچە ئاتام خەۋەر بەرمەيلا كەپتۇ — دە؟ — خەۋەر بەرگەن بولسا ئېلىكخان ئالدىغا چىقاتتى. ئۇ چىقمىغان تەقدىردە، يوغرىشلار بىلەن مەن چىقاتتىم سۆيۈملۈك بىكەم، — ئېلزادىبەك بۈۋىئايىشىنى سۆيگەنلىكىدىن «بىكەم»، «خوتۇن» دەپ ئاتاپ گەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى. — ئاتام ساق تۇرۇپتۇمۇ، ئېرىم؟ — ناھايىتى ئوبدان تۇرۇپتۇ. روھىي ھالىتى شۇنچە ياخشى. — سەمەرقەنتتە ئۇزاقراق تۇرۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردىمۇ؟ — ئېيتىپ بەردى بىكەم، — ئېلزادىبەك قاراپ ئولتۇرغان جانىبىدا غوجامنىڭ بېشىنى سىلاپ كۈلۈمسىرىدى، — بۇنى دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. — نېمىشقا ئەمدى؟ — بۈۋىئايىشىنىڭ قەلەم قاشلىرى سەل كۆتۈرۈلدى. — ئاجايىپ بىر كۈتۈلمىگەن تەقدىر — قىسمەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشقا توغرا كېلىپ، كېچىكىپ قالغانىكەن. — ئۇ قانداق ئاجايىپ تەقدىر — قىسمەت ئىكەن، ئېيتىپ بەردىمۇ بېگىم؟ — ئېيتىپ بەردى، ئاتام سەمەرقەنتكە بېرىپ، تامغاچ بۇغراخاننىڭ قىزىنى قارىشى ئېلىشقا مۇيەسسەر بوپتۇ، ئۇنىڭ
بىلەن ئەھدىنامە تۈزۈپتۇ، قۇزغۇردۇغا قايتىپ كەتمەكچى بولغاندا، بۆرە تېگىن ئۇنى تۇتۇپ قاپتۇ. «سىز ئادا قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر بىر ئىش بار» دەپتۇ. «نېمە ئىش؟» دەپ سوراپتۇ ئاتام. «مەن مايمۇنەنى ئەمرىمگە ئالماقچىمەن» دەپتۇ بۆرە تېگىن. «مەن نېمە ئىش قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟» دېگەندە، «سىز ئەلچى بولۇپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك» دەپتۇ. شۇڭا، بەگىيۈسۈپ ئاتام ئەھدىنامىنى ياقۇپ تېگىندىن ماڭدۇرۇۋېتىپ، ئۆزى قالغانىكەن، بەگىم.
— ھە، بىلدىم. مايمۇنەنى بۆرە تېگىننىڭ ئالغۇسى كېلىپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئۇنچىۋالا ئاددىي بولمىسا كېرەك، بېگىم. خۇدايىم ئۇنىڭغا ئاشىق — بىقرار قىلغان…
— توغرا، بۇ نېمە دېگىنىڭىز بەكەم؟ قاپقارا كۆسەيدەك تۇرسا، قانداقمۇ شەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ — دېدى ئېلىزادەبەگ خوتۇنىنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا.
— ئۇنداق دېمىسىلە بېگىم، ھەر بىر رەڭنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى، خىسلىتى بولىدۇ. مايمۇنە — تەڭرى بارلىققا كەلتۈرگەن قارا رەڭنىڭ ئىنسان سىيماسىدا ئەكس ئەتكەن لەطاپەتلىكنىڭ نامايان بولۇشى. بۇنى قارا كۆسەيگە ئوخشىتىش ئەخمىقانىە كەمستىش بولىدۇ، بېگىم. ئو شەھىدادەك زىلۋا بوي — بەستى بىلەنلا ئەمەس، ئاقنىڭ ئەكسى بولغان رەڭنىڭ ئاجايىپلىقى، خاسلىقى بىلەنمۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق. تامغاچ بۇغراخان بۇ گۈزەللىكنى كۆرۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا شەيدا بولغان. ئاشىقلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەملا بۇنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ. قانداق دېدىم، سۆزۈم خاتا ئەمەستۇ؟
— ئەسلا، — ئېلىزادەبەگ چوغدەك قىزىل — قىزىل تىللىرىنى سوزۇپ كۆيۈۋاتقان قەندىلدىكى شام ئاقۇچ قىزىل تۇسكە كىرگۈزگەن خوتۇننىڭ زىبا چېھرىگە قاراپ جاۋاب بەردى، — راستىنى دېسەم مۇشۇ دەقىقىدىن ئىلگىرى ئاق، سېرىق رەڭنى گۈزەل، قارا رەڭنى گۈزەل ئەمەس، دەپ بىلەتتىم. بۇنىڭ قارا
رەڭ توغرىسىدىكى چۈشەنچەمنىڭ ناتوغرىلىقىدىن مېڭەمگە ئورنىشىپ قالغان ئەخمىقانە ئوقۇم ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەن. توغرا دەيدىغۇز، بېگىم، مەن نېمىشقىمۇ بىلىمسىز، سىزگە لايىق كەلمەيدىغانمەن.
— سىزگە لايىق كەلمەيدىكەنمەن؟ بۇ گېپىڭىز توغرا بولمىدى، — مەيۈسلىنىپ چىكىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈۋاتقان ئېرىنىڭ يېنىدىن تارتتى بۇۋىئايشە، — بېگىم، ئاتامنىڭ: «ئادەم دۇنيادىكى كۆپ ئىشلارنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى چۈشەنمەي ئۆتۈۋاتىدۇ» دېگەن سۆزى يەنە ئېسىمگە چۈشتى. قارا رەڭدە گۈزەللىك يوق دېگەن تونۇشلىرى ئۆزلىرىنىڭ قارىشى، گۈزەللىك بار دېيىشىم بۇ ئۆزۈمنىڭ قارىشى. قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئادەم ئۆزىنى ئەيىبلىسە، كەمسىتسە بولمايدۇ. ئۆز قارىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ، چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسە بولسا، بۇ باشقا گەپ. دېمەكچىمەنكى، بېگىم، سىلى مانا شۇنداق سەمىمىيلىكلىرى بىلەن ماڭا بەك مۇناسىپ. مەن سىلىنى بەك يارىتىمەن. ئېيتسىلا، سىلى مايمۇننىڭ رۇخسارىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
ئېلزادىگىنىڭ خىيالچان چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى.
— ياق، كۆرۈپ باقمىغان، مايمۇننىڭ قارا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سىزدىن ئاڭلىغان شۇ، — دېدى ئۇ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن خوتۇنىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، — قارا رەڭنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، قارا نەرسىلەر ماڭا چىرايلىق كۆرۈنمىسە كېرەك. سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ، قارىشىمنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، خوتۇن.
بۇۋىئايشە كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى:
— بېگىم، سىلى تۇننىڭ قارا ئىكەنلىكىنى بىلەملىا؟
— بىلىمەن. قىزىق سوئال بولدىغۇ بۇ.
— قىزىقى ئەمدى چىقىدۇ، بېگىم. سىلى قارا كېچىنىمۇ گۈزەل ئەمەس، دەپ قارامدىلا؟
ئېلزادەبەك ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇپ قالدى. بىردەم خىيال سۈرۈپ دېدى:
— مەن بۇ توغرۇلۇق زادى ئويلىنىپ باقماپتىمەن، بەكەم. قارا بولغان تۈننىڭ ھەقىقەتەن گۈزەل تەرەپلىرى بار. مەن بۇنى ئىنكار قىلمايمەن، تۈننىڭ ھەتتا نۇرلۇق ئاي — يۇلتۇزلىرى، راھەتبەخش قوينى بىلەن كۈندۈزدىنمۇ گۈزەل كۆرۈنىدىغان چاغلىرى بار.
— بولدى بېگىم، تونۇشىمىز، كۆزقارىشىمىز بىر جايدىن چىقتى. سىلى جەڭگاھتىلا ئالىپ بولۇپ قالماي، ئائىلىدىمۇ ئالىپ، — بۇۋىئايىشە ئېلزادەبەككە يۆلەندى، — ئەجەب سوراش ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئاتام ئېلىكخان يېنىدا قالدىمۇيا ئۆيگە كەتتىمۇ؟
— ئۆيىگە كەتكەن، بەكەم.
— نېمىشقا بۇرۇنراق دېمەيلا، قوپسىلا، ئاتام بىلەن كۆرۈشكىلى بارىمىز.
بۇۋىئايىشە ئېرىنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئېلزادەبەككە تەگكەندىن بۇيان ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۇنجى قېتىم سۆيۈشى ئىدى. ئۇ كىيىم يەڭگۈشلەپ يان ئۆيدىن ھويلىغا چىققاندا جانىپىدا غوجام زۆبەيدىنى يېتىلەپ تاشقىرىدىن كىردى. ئېلزادەبەك:
— يۈرۈڭلار بالىلىرىم، بۈگۈن بىلگە بوۋاڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىمىز، — دەپ زۆبەيدىنى كۆتۈرۈۋالدى.
4
ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىدا خوشاللىنىدىغان، خاپىلىقتا قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. خوشال بولىدىغان ۋاقتى — سۆز — ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چېغىدۇر. خاپا بولىدىغان ۋاقتى — سۆز — ھەرىكەتنىڭ مەغلۇپ بولغان چېغىدۇر. مەيلى
ئەلگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشتا بولسۇن، مەيلى ئائىلىگە ئائىت خۇسۇسىي ئىشتا بولسۇن، ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت شۇ كىشىنى ئەلۋەتتە مەمنۇن قىلىدۇ.
بەگىيۈسۈپنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئونىڭغا ھەقىقەتەن خۇشاللىق بېغىشلىغانىدى. ئۈمىد، ياخشى تىلەك بىلەن سەمەرقەنتكە بېرىپ، كاتتا خۇش خەۋەر بىلەن بالاساغۇنغا قايتىپ كەلدى. غەم - ئەندىشىدە قالغان ئېلىكخان ۋە ئونىڭ ۋەزىر - ۋۇزۇرلىرىنى مەمنۇن قىلىپلا قالماي، ئۆزىمۇ خورسىن قىلدى.
ئۇ مۇشۇ دەم ئېلىكخان ياپقان شاھى توننى كىيگەن، بۆرە تېگىن تارتۇق قىلغان سەمەرقەنت ئارغىمىقىنى مىنگەن ھالدا بەگ تەرەكسىدىن قايتىپ ئۆيىگە كېتىۋاتاتتى. كەينىدىن كېلىۋاتقان سۇلتانبەگ ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇ شاش بىر تاينى يېتىلىۋالغانىدى. بەگىيۈسۈپ گۈزەر، رەستىلەردە توختاپ، ئاتتىن چۈشۈپ، مۇدەررىسلەر، سودىگەرلەر، كاسىپ - ھۈنەرۋەنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، تىنچلىق - ئامانلىق سوراشتى. بەگبۇقا مەھەللىسىگە يېتىپ كەلگەندە ھاياجانلىنىپ قالدى. ئۆيىگە يېقىنلاشقانسېرى ۋۇجۇد دەربىخلىرىگە كېلىپ ئاتنى ئىتتىكلەتتى.
ئەنە ئاي نۇرى چۈشكەن ئەگىم قانات، توچ ھالقىلىق ئىشىك … بەگىيۈسۈپنىڭ ئويچان كۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئاقبۇرا كۆرۈنگەندەك يۈرىكى سېلىپ كەتتى. ئۇ ئاتتىن چۈشتى. تىزگىننى تۇتۇپ كۆۋرۈكتىن ئۆتتى. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ سۈيىگە كۆلەڭگىسى چۈشتى. سەبىي چاغدىلا ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغان ئىشىكتىن كىردى. مانا گۈلزارلىق ھويلا. مانا شەربەت قويۇلغان جامدەك چايقىلىپ تۇرغان كۆل. مانا، ئاتا - ئانىسى دۇئا بەرگەن كونا سوپا.
سوپا ئەتراپىدا گۆدەكلەر «مۆكمۆكىلەڭ» ئويۇنىنى ئويناۋاتاتتى. بۇلار ئادارنىڭ نەۋرىلىرى ئىدى.
بەگىيۈسۈپنى چىراغ كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىققان قىزتۇرمىش كۈتۈۋالدى. — ھاجىپ ئىنىم، ئەجەپ يوللىرىغا قاراتتىلا، — دېدى ئۇ ئېگىلىپ سالام بېرىپ. — ۋاقىتنى تۇتۇۋالغىلى بولمايدىكەن، ئاچا، خوش خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن، دەپ كېچىكىپ قالدىم. ئادارباى ئاكام، بالىلار تىنچ — ئامان تۇرغاندۇ؟ — تىنچ — ئامان تۇردى، ھاجىپ ئىنىم. باي ئاكىلىرىمۇ تېنەن. ئەتەنگەن چىقىپ كەتسە كەتتە كېلىدۇ. بەزىدە بۈگۈنكىدەك خۇپتەن بولغاندىمۇ كېلەلمەيدۇ. — تىجارەتچى دېگەن ھەمىشە ئالدىراش بولىدۇ، ئاچا. ئادارباى ئاكام چوڭ بىر تىللا سارىيىنى باشقۇرۇپلا قالماي، بالاساغۇن ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى سودا ئىشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇ قوزغۇردو تىجارەتچىلىرىگە بەندەرشاھ①، شۇڭا مەندىنمۇ ئالدىراش. ئۇنىڭدىن ئاغرىنمىسىلا. ئەگەر سىلىنى قەستەن جاپادا قويغان بولسا، ئېيتسىلا ئاچا، گەپ قىلىپ قوياي. — ياق ھاجىپ ئىنىم. ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ. بۇ چاغقىچە ماڭا ئالپىپ قارىغىنىنى بىلمەيمەن. ئۇ بەك مۇلايىم، سەمىمىي ئاتا. مېنىڭ تادار مەنكى، نارازى ئەمەس. قېنى مېھمانخانىغا مەرھەمەت قىلسىلا، ھاردۇق ئېلىپ چىقاي، ئىنىم. — مېنىڭ مۇشۇ سۇپىدا ئولتۇرغۇم بار. بۇ يەر سالقىن ھەم كەڭ — كۇشادە، — بەگىيۈسۈپ سۇلتانبەگ بىلەن ئاي — يۇلتۇزلار چۆمۈلۈپ تۇرغان كۆلگە قاراپ سۇپىدا ئولتۇرۇشتى. قىزتۇرمىش داستىخان سېلىپ، مۇزدەك قارا ئۈرۈك شەربىتى بىلەن، قوغۇن — تاۋۇزنى قويۇپ تۇرۇشىغا ئادارباى كىرىپ كەلدى. بەگىيۈسۈپكە سالام بېرىپ قۇچاق ئاچتى. — ئوُكام، خەۋەر بەرمەيلا كەلگەن ئوخشايلى. ئالدىلىرىغا چىقىپ ھۆرمەتلىرىنى قىلاتتۇق ئەمەسمۇ.
① بەندەرشاھ — سودىگەرلەرنىڭ يېتەكچىسى، باشلىقى.
— ئاكا، سىلەرنى يولۇمغا قاراتماي، بىسەرەمجان قىلماي دەپ خەۋەر بەرمىگەنىدىم. بۇنداق كۆرۈشۈش خاسىيەتلىك ھەم تەسىرلىك بولىدۇ. سالامەت دىدار كۆرۈشتۈرگەن ئاللاھتىن مىننەتدارمەن.
ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا، يېنىدا غوجام بىلەن زۆھرە قىزنى يېتىلەپ ئېلىزادەبەك، بۈۋىئايىشە كىرىپ كەلدى.
— ئاتا، قەدىرلىك ئاتا! — يەرگىچە ئېگىلىپ سالام بەرگەن بۈۋىئايىشە يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە، ئاتىسىنىڭ شايى تونىنىڭ پېشىنى كۆزىگە سۈرتتى، — سىلى كەلمىگەنسىرى ئەنسىرەپ، كۆزىمىز تۆشۈك بولۇپ كەتكەنىدى. ئاخىر كەپتىلا.
— قىزىم ئورۇنلىرىدىن تۇرسىلا، يىغلىمىسىلا، بۇ دەم خوشال بولىدىغان پەيت، — بەگىيۈسۈپ ئونىڭ بېشىنى سىلاپ، يېنىدا غوجام بىلەن زۆھرەنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى. ئېلىزادەبەك بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. نەۋرىلەر ئونىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالدى.
ئايسىلىڭ، ئارچۇن ئاچا — سىڭىللار، ئەرلىرى ئورخۇنبەك، ئەربۇقا پېھىددىن بالىلىرى بىلەن، ئاشانبۇقامۇ خوتۇن، بالىلىرى بىلەن، ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم بىلەن ھاۋاخان ئاغىچىمۇ كېلىشىپ بەگىيۈسۈپنى قۇتلۇقلىدى.
ھەممىسى كۆل بويىدىكى بۇ چوك سۇپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ، بەگىيۈسۈپنىڭ گەپلىرىنى قىزىقىپ ئاڭلاشتى.
— بۆرە تېگىن ئۆزىنىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىنى بىر كۆرسىتىپتۇ — دە. مەردلىك مانا شۇنداق بولىدۇ، — دېدى ئادارباي «ئەھدنامە» نىڭ مەزمۇنىنى ماقۇللاپ، — مەن تېخى ئۇ بۆرە مىجەز شاھنى گەپكە كىرگۈزمەك ئاسان ئەمەس، ھاجىپ ئېنىم ئېلىكخان ئالدىدا يەرگە قاراپ قالامىغىيدى، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم.
— بۈگۈ بىلگە ئاتام سەپەرگەنتكە بارماي، باشقا كىشى بارغان بولسا، تامغاچ بۇغراخان مۇنداق مەردلىك قىلمىغان بولاتتى، — سۆز قوشتى ئېلىزادەبەك قېيىنئاتىسىغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن
قاراپ، جانىبىدا غوجامنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ تىزىغا ئولتۇرغۇزدى، بالام بوۋاڭنى چارچىتىۋەتمىگىن، دەپ پىچىرلىدى گۆدەكنىڭ قۇلىقىغا.
راست راست، دېدى ئاشانبۇقا ئېلىزادەبەكنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ، ئاپپاق ساقىلىنى تۇتاملىغان ھالدا، بەگىيۈسۈپ بالام مەھلىك، شېرىن سۆخەن سۆزلىرى بىلەن قورام تاشنىمۇ ئېرىتىۋېتىدۇ. ئەلىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بۆرە ئىنىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلغان، كۆرەڭ، مەغرۇر پادشاھنى گەپكە كىرگۈزگەن ھاجىپ بالامغا ئاللاھتىن ئۇزاق ئۆمۈر تىلەيلى، ئامىن!
ئامىن! دېيىشتى چوكا كىچىك ھەممىلەن.
رەھمەت بوۋا، رەھمەت. تەڭرى ئالدىدا ھەممە بەندە باراۋەر. سەمەرقەنتكە بېرىپ ئىبراھىم بۆرە تېكىن ھۇزۇرىدا بولۇشۇم ھەرگىزمۇ تەڭرىنىڭ ھېكمىتىدىن تاشقىرى ئەمەس. ئاشان بوۋامغا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغان تەڭرىدىن مىننەتدار بولايلى. ھەممىلىرىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بەگىيۈسۈپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
تەڭرى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان بىلەن ئەقىل پاراسەتتە باراۋەر ئەمەس، ھاجىپ ئىنىم. بەك كەمتەرلىك قىلىۋاتىلا. ئۆزلىرىنىڭ پاراسەتلىرى ئارقىسىدا مۈشكۈل بىر ئىش ئاسان بولدى، بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن ئورخونبەگ كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى.
بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ سەمىمىي سۆزىگە سۈكۈت قىلىپ جاۋاب بەرمىدى.
ئاتا ئەھدىنامە تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، تامغاچ بۇغراخان نېمىشقا سىلىنى تۇتۇپ قالدى؟ بۇ توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمىدىلىغۇ؟ دېدى بۈۋىئايىشە ئېرىدىن ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئاتىسىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن يەنە بىر قېتىم ئاڭلىغۇسى كېلىپ.
بەگىيۈسۈپنىڭ خىيالچان چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى.
ئاڭلاشقا قىزىق تۇيۇلىدىغان، ئەمما ھېكمەتلىك بىر تەقدىر قىسمەت قوزغۇردۇغا كېچىكىپ كېلىشىمگە سەۋەب بولدى دېسەم، ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن. كۈتۈلمىگەن بىر چاغدا ئىش ئەنە شۇنداق يۈز بەردى، بەگۈسۈپ بۆرە تېگىنىڭ بىر كۆرۈپلا مايمۇنىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنى ئەلچىلىككە قويۇپ، مايمۇنىنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردى.
بۇ نىكاھ مەجبۇرىي قىلىنغان ئوخشىمامدۇ، ئاتا؟
يوقسۇ قىزىم. ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن تامغاچ بۇغراخانغا خوتۇن بولۇشقا رازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن نىكاھى قىلىندى. ئىسلام شەرىئىتىدە مەجبۇرىي نىكاھ قىلىش دۇرۇس ئەمەستۇر.
ئەجەب ھە، يۇرتىغا تېزىرەك يېتىپ بېرىشقا ئىنتىزار بولغان مايمۇنە ياتلىق بولۇپ سەمەرقەنتتە قېلىشقا قانداقمۇ ماقۇل بولغاندۇ، ئاتا؟ يا ئۇ خانىش بولۇشقا قىزىقىپ قالغانمىدۇ؟
ئۇنداقمۇ ئەمەس، قىزىم. مايمۇنە قۇللۇق ئازابىنى تارتقان، خورلانغان ياش ئايال. ئۇ ۋەتەنگە قايتىشقا قانچە ئالدىرىغان بولسا، ئاقىل، مەرد، مېھر شەپقەتلىك بىر ئەرگە ياتلىق بولۇشقىمۇ شۇنچە ئىنتىزار بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆلتۈرۈش ھاجەتسىز. رىزقى غايىب، ئەجەل غايىب، نىكاھ غايىب دېگەن گەپ بار. ئۇنىڭ نىكاھى ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆز يۇرتىدا ئەمەس، يولدا بولدى. مېنىڭچە، مايمۇنە سەمەرقەنتكە كەلگۈچە ئۆزىنىڭ تويىنى ئەمەس، ۋەتەنگە تېزىرەك يېتىپ بېرىشنى ئويلىغانلىقى راست. ھالبۇكى، ئۇنىڭ تەقدىر پېشانىسىگە بۇ نىكاھ پۈتۈلۈپ كەتكەچكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۆرە تېگىنگە تېگىشكە ماقۇللۇق بىلدۈردى. بۆرە تېگىنمۇ توينىڭ قىرىق بىرىنچى كۈنى مايمۇنىنى ۋەتىنىگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولدى. بۇ توينىڭ بولغىنىدىن مەمنۇنمەن، بالام، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ توينىڭ بولۇشىدا ئوينىغان رولى توغرۇلۇق
ئېغىز ئاچمىدى. — بىلدىم، ئاتا، بىر قول ئاجىزىنىڭ پادىشاھقا ياتلىق بولۇشى ھېكمەتسىز ئەمەس ئىكەن. مايمۇنە مۇرادىغا يېتىپتۇ. پېقىرمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، ئاتا. ھاردۇق ئېلىشتىن كېيىن باشقا تاماق قىلىشقا بەگىيۈسۈپ قوشۇلمىغاچ، ئادارباي داستىخانغا يەل — يېمىش، قوغۇن — تاۋۇز قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى. — ھاجىپ ئىنىم خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىرىدىن ئېلىكخان ئالىيلىرىمۇ مەمنۇن بولغاندۇ؟ — دەپ سورىدى ئۇ دۇئا قىلىش ئالدىدا. — مەسىلە ئۇنىڭ خۇشال بولۇشىدا ئەمەس، ئاكا، قانداق قىلىپ ئاۋامغا زىيان — زەخمەت يەتكۈزمەي، ئوردىدىكى ئاسىي قىساسكار كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۈزۈل — كېسىل خاتىمە بېرىشتە. ئەتە ئوردىدا بۇ توغرۇلۇق جىددىي كېڭەش بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئەل — يۇرتقا پايدىلىق قارار چىقىرىلغۇسى. — ئاللاھىم دېگەنلىرىدەك بولغاي، ھاجىپ بالام، — دېدى باياتىن ئېغىز ئاچماي كۈيۆئوغلىنىڭ سۆزلىرىگە زوقلىنىپ ئولتۇرغان ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم بېشىنى لىڭشىتىپ، — ئۆزلىرى كەلگۈچە ئېلىكخان ئالىيلىرى غەم — تەشۋىش بىلەن يوللىرىغا كۆپ قارىغانىدى. كەلگەنلىرىدىن كېيىن كۆڭلى ئارامغا چۈشتى. بىزمۇ خۇشال ھەم خاتىرجەم بولدۇق. ھاۋاخان ئانىچا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ «خۇدايىم بەگىيۈسۈپ بالامنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغىن» دەپ ئىچىدە دۇئا قىلدى. شۇ چاغدا دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەن بەگتۈرمىش: — مەدرىسەدە مۇتالىئە — مۇنازىرە بولۇپ ۋاقىت چىقىپ قالدىم، ئاتا، كەلگەنلىرىدىن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقانىدىم، — دېدى سالام بېرىپ. ئوغلىنىڭ يولىغا قاراپ كۆزلىرى تېشىلگەن بەگىيۈسۈپ ئۇنى باغرىغا مەھكەم باستى…
ئون بەشىنچى باب: ئەل سوراش ئاسان ئەمەس
1
ئەتەگەنلىكتىن بېرى خۇيى تۇتۇپ قالغان جۇۋاندەك ئېچىلىپ كېتەلمەيۋاتقان ھاۋا گىرىمسەن بولۇۋالدى. چۈشتە بىرئاز ئېچىلغان بولسىمۇ، باش كۆزۈنەك غۇر - غۇر شاماللى ھەيدەپ كەلگەن قارا، سۇر بۇلۇتلار قەشقەر ئاسمىنىنى يەنە قاپلىۋالدى. كۈندۈزنىڭ پەلەكتىكى نۇرلۇق ئالتۇن چىراغىمۇ كۆرۈنمەي قالدى. ئوردا ئىچى گۇگۇم چۈشكەندەك غۇۋالاشتى. بۇغراخان سارىيىمۇ خۇددى كەچ كىرگەنسىمان قاراڭغۇلىشىپ، ئىبراھىم تېگىننىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇۋەتتى. ئۇ بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، غەم - ئەندىشىدىن بىر دەقىقىمۇ خالى بولالمايۋاتاتتى.
گۈلدۈرمامىنىڭ قەھرلىك ئاۋازىدىن چۆچۈگەن ئىبراھىم تېگىن تەختتىن تۇرۇپ كەتتى.
— قاپۇغچى بېشى! — دەپ توۋلىدى ئۇ.
— لەببەي خاقانىم، — مۆڭسۈز كىرىپ باش ئەگدى، — خىزمەتلىرىگە تەييارمەن.
— ساراي دەھلىزلىرىنى ئېتىپ، قاپقاقلىرىنى يېپىۋەتسەڭ؟
— باش ئۈستىگە.
— شام چىراغلار يېقىلسۇن!
— باش ئۈستىگە.
دېرىزە قاپاقلىرى يېپىلىپ، قاراڭغۇلىشىپ قالغان بۇغراخان سارىيى شام چىراغلار ياندۇرۇلۇپ كۈندۈزدىكىدەك چاقناپ كەتتى.
قىزىل يۇللۇق شاھانە تون كىيىپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىبراھىم تېگىن ياداپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ بۇغراخان بولغان ئالتە ئايدىن بېرى، ئارزۇ قىلغىنىدەك تاجدۇختنىڭ پەيزىنى سۈرەلمىگەنىدى. ۋەزىر - ھاجىپلارنىڭ بىرىدىنمۇ خوش خەۋەر ئاڭلىمىغانىدى. ھە دېسە پالانى يەردە خەلق ئىسيان كۆتۈرۈپتۇ، پوستانى يەردە نامەلۇم چېرىكلەر قورغاندىكى لەشكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپتۇ، پۇكونى يولدا قاراقچىلار كارۋانلارنى بۇلاپتۇ … دېگەندەك ئەندىشىلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋەرگەچ كۆڭلى پاراكەندە ئىدى.
بالاساغۇن، بارسخان، فەرغانە ئۆلكىلىرىدىنلا ئەمەس، ئودۇن، مىڭلاق، ئالتاي، جۇڭغار دىيارلىرىدىنمۇ تېخىچە تارتۇق، باج - سېلىقلار كەلمىگەنىدى. بولمىسا ئۇ دىيارلارغا يارلىق، پەرمان ئەۋەتىلگەنىدى.
ئاتىسى مۇھەممەد ئارسلانخان، تاكىسى ھۈسەيىن ئارسلانخان ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، قوللىغۇچى، تەرەپدارلىرى قىرغىن قىلىنىپ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان كۈندە، قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ تىزلانغان بوزاغو:
— بۇغراخان ئالىيلىرى، مۇبارەك! مۇبارەك! ئەمدى كۆزۈم ئۇچۇق كېتىدىغان بولدى. دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قان قۇسۇپ ئۆلگىنىنى، دارغا ئېسىلغىنىنى، چېپىلغىنىنى، چالما - كېسەك قىلىنغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، كۆرىدىغان بولدۇم. تەرەپ - تەرەپتىن ئارقىمۇئارقا كەلگەن ئېسىل تارتۇقلارنى، باج - سېلىق ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ساندۇق - ساندۇق جاۋاھىرات، ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىدىغان بولدۇم. خانلىق بىزنىڭ بولدى. شان - شەرەپ بىزگە مەنشۇپ بولدى، — دەپ خوشاللىنىپ تەنتەنە قىلغانىدى.
بىراق، ئۇ قىساسىنى تولۇق ئېلىپ بولمىدىم، دەپ
قارايتتى. ئارزۇ قىلغىنىدەك، تارتۇق - سوۋغاتلار كەينى - كەينىدىن كەلمەكتە يوق، قەشقەر دىيارىغا توپلىشىپ قالغان نۇرغۇن لائوۋ لەشكەر ئالتۇن - كۈمۈشنى ئەجدىھادەك سۈمۈرۈپ، پادىشاھلىق خەزىنىنى قۇرۇقداپ قويۇۋاتاتتى.
ئىبراھىم تېگىن، بوزاغۇلار قىر - چاپ، غەلىبە شادلىقى، تەنتەنە بىلەن مەست بولۇپ دەسلەپكى 1 -، 2 - ئاينىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قېلىشقانىدى. 3 -، 4 - ئاي، ئۆلارنىڭ شېرىن تەمىدە يولغا قارىشى، كۈتۈپ بىتاقەت بولۇشى بىلەن ئاستا ئۆتتى. پەرمان، يارلىق ئەۋەتىش ۋە ئونىڭ جاۋابىنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولۇپ ئاچچىق يۇتۇش بىلەن 5 -، 6 - ئاينى تەستە چىقاردى. 7 - ئاينى بولسا، تاقىتى تاق بولۇپ، غەزىپى ئۆرلەپ ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربەكلا ئۆز پېتىدىن چۈشمەي، نازاكەت - سۆلەتنى يوقاتماي دەبدەبە، سەلەتەنەت بىلەن ئالتۇن تارىم تۈركەن خاتۇن بولۇپ ياشاشقا باشلىغانىدى. ئىبراھىم تېگىن بىلەن بوزاغۇ ھەر كۈنى كەچتە ئونىڭ ئالدىغا سالامغا كىرىپ ئەھۋالدىن مەلۇمات بېرىتتى، يوليورۇق ئالاتتى. تىل - ھاقارەتنى ئاڭلاپ، سالپىيىپ چىقىپ كېتىشەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇغراخانمۇ، يۇغرۇش باشمۇ قۇماربەككە ئۆزى بولۇپ، تېرىسىگە سىغماي قالغانىدى. ئىبراھىم تېگىن بىلەن بوزاغۇلار ئونىڭ ئۆمرىنى ئادا قىلغۇچىلار ئىدى، خالاس.
شۇلارنى ئويلاپ روھى چۈشۈپ ئۈمىدسىزلەنگەن ئىبراھىم تېگىن تەختتە يانپاشلاپ ئولتۇرغىنىچە ئىشىكئاغىسىنى ۋارقىراپ چاقىردى.
-
لەببەي ئالىيلىرى، - تۈت قىرلىق ئۈچلۈك بۆككە كۈمۈش ئوتۇغات قادالغان مۆھتەرەم ئىتتىك كىرىپ تەزىم قىلدى. ئۇ قارا يىپەك رەختتىن يېپىق تون كىيىپ، كۈمۈش كەمەر باغلانغان بېلىگە ئەگرى ساپلىق قىلىچ ئېسىۋالغانىدى.
-
چىقىپ ئېيتىڭ، يۇغرۇش، ھاجىپ، سۇباشلارنىڭ،
ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان شۇم خەۋەر، مەلۇماتلارنى ئەمدى ئاڭلىغۇم يوق! — پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، خاقانىم، — موڭغۇز چىقىپ كەتكۈچى بولۇپ مېڭىۋەردى، ئىبراھىم تېگىن توختىتۇۋالدى. — سىزگە گېپىم بار، ھايال بولماي كىرىڭ! — خوپ، ئالىيلىرى. موڭغۇز كۆپ ئۆتمەي قايتىپ كىردى. — ئولتۇرۇڭ قاپۇقچى بېشى. — قۇللۇق خاقانىم، — موڭغۇز تەخت يېنىدىكى يوغۇن باشى ئولتۇرىدىغان يۆلەنچۈكلۈك ئورۇقتا ئولتۇردى. ئۇنىڭ بۇ يولسۇزلۇقىدىن ئاچچىقلانغان ئىبراھىم تېگىن قوشۇمىسىنى تۈردى — يۇ، يەنە شۇ ئان كۈلۈمسىرەپ سورىدى: — ئاتام ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا سالامەتلىكىڭىز كۆپ ياخشى بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ — سالامەتلىكىم يامان بولۇپ باقمىغان، ئالىيلىرى، — دېدى موڭغۇز كەمەر بىلەن چىڭ باغلانغان بولسىمۇ، پومپىيىپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قورسىقىنى سىلاپ، ئۇ سەمىرىپ ياۋا قوتازدەك يوغىناپ كەتكەنىدى. يىلاننىڭكىدەك چىپقىر كۆزلىرىدىن ۋەھشىلىك چىقىپ تۇراتتى. — ئەقلىمگە كەلسەم جاللات ئىكەنسىز، ئۇ چاغدا قورۇق، قورقۇنچلۇق ئىدىڭىز… — ئەسلىرىدە تۇرۇپتۇ، خاقانىم. مەن ئۇ چاغدا بويتاق ھەم كىشىلەردىن ئايرىلىپ تۇراتتىم، يالغۇز ئىدىم. يالغۇز يىگەن تەڭگە سىغمەيدىكەن. ئەمدىلىكتە ئالىيلىرىدەك بۇغراخان قېشىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا مەن، غېمىم يوق خاقانىم، تەھرىم مۇرىدىمغا يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەن غالىب! — موڭغۇز بوينىغا ئېسىۋالغان ئالتۇن بۇتنى كىيىمى ئۈستىدىن سىيپاپ تۇرۇپ ھىجايدى، — شۇنداق، مەن غالىب، ھېچكىم ماڭا
چىقىلالمايدۇ، مەندە سېھرىي كۈچ بار. — راست، سىزدە سېھرىي كۈچ بار. بەك قورقۇنچلۇق كۆرۈنىسىز، — دېدى مۆگۈزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولاشقان ئىبراھىم تېگىن. ئۇ ئۆزىنىڭ قورقۇۋاتقىنىنى سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن قوشۇپ قويدى، — شۇڭا سىزنى قاپۇقچى بېشى قىلىپ يېنىمدا ساقلاۋاتىمەن. — ئالىيلىرى، — تەنە قىلىپ ئۈنلۈك كۈلدى مۆگۈز، — مېنى قەدىرلىگىنىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى بالا — قازادىن ساقلايمەن، خاتىرجەم بولغايلا. — مەن خاتىرجەم. سىزگە دۇنيادا ئەڭ چىرايلىق خاتۇننى سوۋغات قىلماقچىمەن. — ھەشقاللا ئالىيلىرى، ھەشقاللا! تۆت خوتۇنۇم، توقاللىرىم بار، — دېدى ئۇ تەنە بىلەن يالغان سۆزلەپ، — ئۆزلىرى سوۋغا قىلماقچى بولغان ئۇ نازىنىننى چۆرىلىرىمنىڭ گۈل تاجىسى قىلىپ باغرىمغا باسمەن. مۆگۈزنىڭ مەسخىرىلىك سۆزلىرىنى ئاڭقىرالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ توختىماي ۋاقىراشلىرىدىن زېرىككەن ئىبراھىم تېگىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان مەقسەتكە كۆچتى: — سىز كۆپنى كۆرگەن، كەچۈرمىشلىرىڭىز ئاجايىپ، كۆچۈمچى ئادەم بولغىنىڭىز ئۈچۈن، مەرتىۋىڭىزنى ئۆستۈرۈپ جاندارلار باشلىق قاپۇقچى بېشى قىلىپ تەيىنلىگەندىم. ئىشەنچىمنى ئاقلىدىڭىز، — ئۇ بوزاغۇنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئۇنى ئوردىدىكى ئەڭ خىللانغان چېۋەندازلار قوشۇنىدىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ مەنسەپكە قويغانلىقىنى سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن مۆگۈزنى ھە دەپ ئۇچۇرۇپ كېپەنلىتەتتى. شۇنداقمۇ ئۇنى ماختاپ ساداقىتىنى سىناش غەرىزىدە سورىدى، — يېقىندىن بېرى ئوردا ئىچى تىمىتاس بولۇپ كەتتى، ئېيتىڭچۇ، ئوردىدا بىرەر ئەھۋال بارمۇ؟ ئۇچۇقنى ئېيتسام بىرەر يامان ئەھۋال كۆزىڭىزگە چېلىقمىدىمۇ؟
— يوقسۇ خاقانىم، ئەجەب سوراپ قالدىلىغۇ؟ ئۆزىنىڭ جاندارلار باشلىقىدىن قاپۇقچى باشلىققا ئۆستۈرۈلۈشىدىكى «سىر»نى ئاللىقاچان بىلىۋالغان مۇڭسۇز بۇ چاغقىچە ئوقۇمىغانغا سېلىپ خۇپىيانە گاس بولۇۋالغانىدى. ئۆزىنىڭ قىساس ئېلىش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ساداقەت كەمىرىنى مەھكەم باغلىغانلار قاتارىغا ئۆتۈۋالغانىدى. شۇڭا، سوئالغا جاۋاب بەرمەي ئىبراھىم تېگىننىڭ مۇددىئاسىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ سۈكۈت قىلىپ تۇردى. — ھەممىدىن سىزنىڭ كۆزلىرىڭىز ئۆتكۈر، شۇڭا سوراۋاتىمەن، — دېدى ئىبراھىم بۇغرا قاراخان مۇددىئاسىنى ئوچۇق ئېيتماي. مۇڭسۇزنىڭ سۈرلۈك چىرايىدىكى سوغۇق كۈلكە يوقالدى. — راستىنى دېسەم، ئاتلىرى مۇھەممەد ئارسلانخان ۋاقتىدا، كۈندە بولمىسىمۇ، كۈندە بىرەر يامان ئەھۋالنى چېپىپ تۇرۇپ تۇراتتىم. چۈنكى، ئۇ چاغدا زىنداندىن باشلىقىدىن جاندارلار باشلىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىم ئۈچۈن قەدىمىم ھەممە يەرگە يېتەتتى، كۆزلىرىم ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى. ئالىيلىرى تەختكە چىققاندىن بۇيان قاپۇقچى بېشى بولۇپ، ساراي ئىشىكىدىن باشقا يەرگە بارالماي، پۇتلىرىم چۈشۈپ قالدى. بوسۇغىدىن دال جىمىپ ئۆت ئالدىغا كەلگەننى كۆرىدۇ، يىراقتىكىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئوردىدا نېمە ئىشلار سادىر بولۇۋاتىدۇ؟ بىلەلمەي قالدىم، كەچۈرگەيلا خاقانىم! — سىز ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ قويۇۋاتقانلارنى سەزمىدىم دېمەكچىمۇ؟ — ئىشەنمەي زەردە قىلىپ سورىدى ئىبراھىم تېگىن. — سەزدىم دېسەم بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتىشىم كېرەك. سەزمىدىم دېسەم ئۇنداقلار چىقىپ قالسا جاۋابكار بولىدىغان گەپ. گۇمانىمنى قوزغاپ قويغانلار يوق ئەمەس. — گۇمانىڭىزنى قوزغاپ قويغان زادى كىم؟
— قەيسەربەگ ئالىيلىرى، — بېپەرۋالىق بىلەن جاۋاب بەردى مۆڭگۈز. — قەيسەربەگ؟ — ئىبراھىم تېگىن چايان چېقىۋالغاندەك ئەندىكىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. — شۇنداق ئالىيلىرى، ئۇنىڭ ئىسمى ئەسلىدە قەيسەربەگ ئەمەس ئىدى. — نېمە؟! قەيسەربەگ بولمىسا، ئۆز ئىسمى نېمە ئىدى؟ — بوزاغۇ. — بوزاغۇ؟ سىز بۇنى قانداق بىلىسىز؟ — شاھىم، ئولتۇرۇپ ئاڭلىغايلا، بۇ ئۆزى ئۇزۇن ھېكايە، — مۆڭگۈز بوزاغۇنىڭ سىرلىق كەچمىشلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىبراھىم تېگىننى ئىشەندۈرمەكچى بولۇپ دېدى، — مۇنداق ئادەمدىن گۇمانلانماسلىق مۇمكىنمۇ؟ ئاشۇ كۈنكى ئوردا ئۆزگىرىشىدە ئاتىلىرى، ئاكىلىرىنى شۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئالىيلىرىنى تەختكە چىقارغان بىلەن، ھەممە ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. يۇغرۇش، ھاجىپ، سۇباشلارنىڭ كۆپىنى ئاغزىغا قارىتىۋالدى. بىر كۈنى ئالىيلىرىنىمۇ قەستلەمدىكىن، دېگەن ئەندىشىدە قالدىم، خاقانىم. ئەگەر ماقۇل بولسىلا ئۇنى يوقىتىۋېتىپ، بۇ ئاپەتنى ئارىدىن كۆتۈرۈۋېتەي. — بولمايدۇ. ئۇ دېگەن مېنىڭ تاغام. ئاپامنىڭ ئاكىسى، ماڭا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، — دېدى قۇماربىكەنىڭ: «قەيسەربەگ سېنىڭ تاغاڭ، بۇنى ئەھال ھېچكىمگە ئېيتقۇچى بولما. بۇنىڭ سەۋەبىنى سەن تاج كىيگەندە ئېيتىپ بېرىمەن» دېگەن سۆزى يادىدىن كېچىپ، «ھە، ئەسلىدە مۇنداق گەپ ئىكەن — دە، قەيسەربەگ دېگەن قارلۇق بولۇنبەگنىڭ ئوغلى بوزاغۇ ئىكەن. ھەي ئىسسىت! ئاپام بىلەن بۇ تاغام مېنى ئالداپ، ئاتامنى ئۆلتۈرۈپ مۇددۇئاسىغا يەتمەكچى ئىكەن. بېشىمدىكى بۇ تاج سىرتمىق بولمىسۇن يەنە. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟…» دەپ
ئويلاپ چىكىسنى تۇتقىنىچە پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
— خاقانىم، بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ماڭغان يوللىرىدىن قايتالمائىلا، تەختتە مەھكەم ئولتۇرۇي دېسەلا بوزاغۇدەك مەككارلاردىن پەخەس بولغايلا.
— بوزاغۇ مېنىڭ تاغام، ئۇ ماڭا قەست قىلمايدۇ، — دەپ غودۇڭشىدى ئىبراھىم تېكىن.
— ئىشەنجىلىرى كامىلمۇ؟
— كامىل، قاپۇغچى بېشى.
— مېنىڭ ئادا قىلىشىمغا تېگىشلىك يەنە قانداق پەرمانلىرى بار، ئالىيلىرى؟
— ئوردىدىكى ئىشلارغا كۆز — قۇلاق بولۇڭ.
— باش ئۈستىگە، — مۆڭسۈز چىقىپ كەتتى.
ئىبراھىم تېكىن كۆڭۈل غەشلىكىدە ھەرەمگە چىقىپ كەتكەچى بولۇپ تەختتىن چۈشۈپ تۇرۇۋەردى، بوزاغۇ چاپارمەن قارا باخشىنى باشلاپ كىردى.
— خاقانىم، قوزئوردۇغا ئەۋەتىلگەن چاپارمەن قايتىپ كەلدى.
باش — كۆزى چاڭ — توزانغا كۆمۈلگەن قارا باخىشى تېزلىنىپ يەرگە باش قويدى:
— بۇغراخان ئالىيلىرى، تەڭرىم ھەزرەتلىرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن!
— بېشىڭنى كۆتۈر!
— بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكەيلا، ئالىيلىرى.
— كەچتىم، نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ؟
قارا باخىشى بېشىنى كۆتۈردى. ئىبراھىم تېكىننىڭ ئەندىشىلىك نەزىرى ئۆنىڭ بوينىدىكى ساڭگىلاپ تۇرغان سىرتماققا چۈشتى.
— بوينۇڭدىكى نېمە ئۇ؟
— ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان سېلىپ قويغان سىرتماق. — نېمىشقا سىرتماق سېلىپ قويدى؟ — ئاۋۋال ئۆلتۈرمەكچى بولدى، كېيىن بوينۇمغا سىرتماق سېلىپ، بۇ مەكتۇپنى تۇتقۇزۇپ قويدى. قارا باخشى ئۇزارتقان مەكتۇپنى ئىبراھىم تېگىن يۇلۇپ ئالدى. ئۇنىڭغا كۆز يۈگۈرتۈپلا، چىرايى ساماندەك سارغىيىپ كەتتى. مەكتۇپتا: «قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ ئاسىسىسى ئىبراھىم! ئەل قىساسى مىنەلھەق. جازاڭنى بېرىش ئۈچۈن، سەن كۈتمىگەن چاغدا ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ بارىمەن. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىننى سۇلايمان ئارسلانخان» دەپ يېزىلغانىدى. ئۇنىڭ تىترەشكەن قوللىرىدىن مەكتۇپ يەرگە چۈشتى. بوزاغۇ ئېلىپ ئوقۇدى. ئۇنىڭ چېھرىمۇ ئۆچۈپ كەتتى، لېكىن دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ: — بۇغراخان ئالىيلىرى، ئەمدى قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. قوزغۇنلارغا لەشكەر تارتىپ بېرىپ، بىزگە ئەۋەتكەن سىرتماقنى، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئېلىكخاننىڭ بوينىغا سالايلى، — دېدى غەزەپلەنگەن ھالدا. ئىبراھىم تېگىن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، قونچىغا ئالتۇن پىستان قادالغان خۇرۇم ئۆتۈكى بىلەن قارا باخشىنىڭ بېشىغا تەپتى. — يوقال كۆزۈمدىن، ھارامزادە!
2
«ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك — پوك» دېگەن ھېكمەت ئوغرىنىلا ئەمەس، بەلكى ھەممە نىيىتى بۇزۇقلارنىڭ ھالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەختكە ئولتۇرغاندىن بېرى، ئىبراھىم تېگىنگە ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ئەندىشە يېپىشىۋالغانىدى.
ھەرھالدىمۇ، ئوردىدىكى تەختكە چىققاندىمۇ بۇ ۋەھىمىلىك ئەندىشە سايىدەك ئەگىشىۋالاتتى. بىرسى كەينىدىن خەنجەر ئورىدىغاندەك، ياكى تۇيدۇرماي كېلىپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، ئەندىكىپ كېتەتتى.
«ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ روھى قاتىلنى تەقىب قىلىدۇ، ئارامىغا قويمايدۇ» دېگەن ھېكمەتمۇ ئاساسسىز ئەمەستۇر. ئىبراھىم تېكىننى ئەندىشىگە سېلىپ تۇرغان، مەرھۇم ئاتىسىنىڭ روھى ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇ خىيال قىلغانسېرى، بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەنلەر كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى. زەھەرلىنىپ يىقىلغان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ جەينىدىن ئاپپاق ساقىلىغا ئېقىپ چۈشكەن قان، ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ ئوچۇق پېتىچە ئېلىپ قالغان غەزەپلىك كۆزلىرى، ئۆنىگىدىكى قورقۇنچى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقاندەك ئىدى.
ئۇ مۇڭسۇزدۇن قەيسەربەگنىڭ بوزاغۇ ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تاغىسىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالغانىدى. «ئابام باشتا ماڭا نېمىشقا ئېيتمىغاندۇ؟ ھەرقانچە ئۆچمەن بولسىمۇ، ئاتام بىلەن يىگىرمە نەچچە يىل بىر ياستۇققا باش قويغانلىقنىڭ يۈز - خاتىرىسىنى قىلىشى كېرەك ئىدى. ئاتامغا يېقىن ۋەزىر - ۋۇزۇرلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، ئاتامنى ئۆلتۈرمەسلىكى لازىم ئىدى. تاغام بوزاغۇ شۇنداق مەسلىھەت بەرگەندەك قىلىدۇ. ئۇ نېمىدىگەن ياۋۇز - ھە! بۇ ھەقتە ئابام بىلەن بىر سۆزلىشەي.»
ئۇ شۇ خىيال بىلەن ھەرەمگە قەدەم باستى. ئاق، سېرىق، قىزىل ئەتىرگۈللەر، تاجبۇگۈل، رەيھانگۈللەر خۇش ھىدنى تارتىپ تۇرغان ھەرەم قورۇسىنىڭ تۇز قانىتىدەك كۆركەم گۈلزارلىقنى ئىككى قېتىم ئايلاندى. ئۆنى قوغداپ كەلگەن جاندارلارنىڭ بىر قىسمى ھەرەم ئىشىكىدە قالغانىدى. قورۇغا كىرگەنلىرى ھەرقايسى قەسىرلەرنىڭ ئىشىكىدە قارائۇللۇقتا تۇردى. ئىبراھىم تېكىن ئانىسىغا دېمەكچى بولغان سۆزلىرىنى
تازا ئويلىنىپ كۆڭلىگە تەگكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەسرىگە كىردى.
قەسر ھويلىسى سۈرتۈلگەن ئەينەكتەك پاكىز، چىرايلىق بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلار يېلىپ تۇراتتى. شالاسۇنلۇق پېشايۋان توغرىلىرىغا ئېسىلغان قەپەسلەردىكى تۇتى قۇش ئۇنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، «بۇغراخان كىردى، شاھىنشاھ كىردى» دەپ توۋلىدى. باشقا قەپەسلەردىكى تومۇچۇق، تورغاي، قارغۇجىلارمۇ ئۆچۈرلىشىپ سايرىشىپ كەتتى. ئىبراھىم تېكىن ئەتراپقا كۆز سالغان ھالدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ «خەپشۈك!» دەپ ۋارقىرىدى. تۇتى قۇش جىم بولۇشنىڭ ئورنىغا «خەپشۈك! خەپشۈك!» دەپ توۋلاشقا باشلىدى. ئۇ قولىنى سىلتەپ قويۇپ ئانىسىنىڭ خاس ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭدى. خاس ھۇجرىنىڭ پەلىمىپىدە قول قوشۇشتۇرۇپ تۇرغان كېنىزەك يەرگىچە ئېگىلىپ سالام بەردى ۋە:
— بۇغراخان ئالىيلىرى، كىچىككىنە توختاپ تۇرغان بولسىلا، تۈركەن خاتۇن بۈزرۈكۋارىمىزنى كەلگەنلىرىدىن ۋاقىپلاندۇرۇپ قويغان بولسام، — دېدى.
— مەن بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىدىغان يوغۇچى، ھاجىپ ياكى ئوردا ئەمەلدارى ئەمەس، خاقانمەن. ئاپامنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ھاجەتسىز، — دېگىنىچە دەھلىزگە قەدەم قويدى، ئاندىن گۈلدار ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ خاس ھۇجرىغا كىرىپلا ئارقىسىغا ياندى. ئۇ ئانىسى بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرغان مۆھسۈننى كۆرگەنىدى…
— شاھىنشاھ ئوغلوم، توختىسىلا، — يۈگۈرۈپ چىققان قۇماربىكە ئۇنىڭ ئالدىنى توستى، — نەگە بارىلا بۇغرام؟ كىرىپ بولۇپ، يېنىپ چىققانلىرى نېمىسى؟ مۆھسۈز نېمىدەپ قالىدۇ؟ ئۇ سالامغا كىرىپتىكەن.
ئىبراھىم تېكىن توختاپ ئانىسىغا سەپ سالدى. قۇندۇز چاچلىق بېشىدا ئالتۇن تاج، ئۈستىدە قىزىل يىپەك رەختتىن تىكىلگەن
بەلىپۇرمە كۆڭلەك بار ئىدى. گۈزەل چېھرىدە سىرلىق تەبەسسۇم، كۆك كۆزلىرىدە خىيالچان نەزەر… — ئابا، قاپۇقچى بېشى بۇ يەردە نېمە قىلىدۇ؟ — سورىدى ئىبراھىم تېگىپ ئاھانەت ھېس قىلىپ. — نېمە قىلىدۇ، دەمدىلا بۇغرام؟ سالامغا كىرىپتىكەن. — بۈزرۈكۋارىم، مەن بۇغراخان سارىيىدىن چىقمىغۇچە ئۇنىڭمۇ شۇ يەردە بولۇشى زۆرۈر ئىدى. خىزمىتىنى تاشلاپ قەسىرلىرىگە كېلىۋالغانلىقىدىن ئەجەبلىنىۋاتىمەن. — بالام، سىلى سارايدىن چىقىپلا قەسىرىمگە كەلگەن ئوخشىماملا؟ — شۇنداق، ئابا. مەن ئۇنى دىۋانخانىدا قالدى، دەپتىمەن. سارايدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ يەرگە كېلىشى سەۋەبسىز بولمىسا كېرەك. — ئۇنداق چوڭقۇر ئويلاپ كەتمىسلا بۇغرام. سىلىنى سارايدا يوق، دەپ بىخەستەلىك قىلغان چىغى. بۇنىڭغا خاپا بولمىسلا… قۇماربىكەنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ھۇجرىدىن لۆڭگىدە چىققان مۆھسۈز بېشىنى ئېگىپ قويۇپ يانداپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قارىمۇتۇق چېھرىدە مەسخىرىلىك كۈلكە قېتىپ قالغانىدى. — كۆردىلىمۇ ئابا. ئۇنىڭ يوغىناپ كەتكىنىنى، خۇددى مېنىڭ ئاتامدەك. بۇنىڭغا قانداقمۇ تاقەت قىلالايمەن؟ قۇماربىكە ئۇنى ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۈچ قات يىپەكنداز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى. — ئۇنداق دەپ كەتمىسلا بالام، ئۇ شۇنداق ئېچىق مىجەز، ئۈرۈمچىل ئادەم، بەزى ئەھۋاللاردىن مېنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن سالامغا كىرىپتىكەن. — قانداق ئەھۋاللاردىن ئابا؟ — قارا باخشىنىڭ قايتىپ كەلگىنىدىن. — مەن تۇرسام، بۇ خەۋەرنى نېمىشقا سىلىگە يەتكۈزۈشكە
ئالدىرغاندۇ؟ — ئۇ تەلۋە قارا قورساق ئادەم، بالام. بەلكىم مېنىڭ خەۋەر كۈتۈپ تۇرغانلىقىمنى قىياس قىلىپ، قارا باخشىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپلا مېنى ۋاقىپلاندۇرماقچى بولغاندۇ، ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىسلا. — ئۇ قارا قورساق بولسا قانداق قىياس قىلىدۇ. نېمىشقا سىلىگە خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولىدۇ، ئابا؟ — ئىبراھىم تېگىننىڭ گۇمانى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئانىسىنىڭ كۆكۈچ نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — مەن ئۇ قان ئىچەر جاللاتنىڭ ئېپلاس ئايلىقىدا قەسىرلەرنىڭ مېھنەت بولۇپ كەتكىنىنى كۆرگۈم يوق! ئابا، دەپ باقسىلا، نېمىشقا قەيسەربەگ تاغامنىڭ ئۆز ئىسمىنى ماڭا بىلدۈرمىدىلە؟ — بۇنى كىمدىن ئاڭلىدىلا، خاقان بالام؟ — بايا ھۇجرىلىرىدا مېھمان بولغان مۇڭسۇزدىن. — مۇڭسۇزدىن؟ بۇ ئەبلەخ يەنە نېمىلەرنى دېدى؟ — ھەممىنى، بوزاغۇنىڭ قەسىرلەردە ئاغۋات بولغىنىنى، بەگىيۈسۈپنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى قىرغىن قىلغىنىنى، ئاتامنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگىنىنى… — بولدى بەس! ئاشۇرۇۋېتىپتۇ ئۇ مەلئۇن. بوزاغۇ ئاكام ئاتىلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمىدى، زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. بۇ ھەقتە سىلىگە سۆزلەپ بەرمەكچىدىم، تەختكە چىققانلىرىدىن كېيىن تىلىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىلا، مەنمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدىم. مۇڭسۇزنىڭ ئاكامنىڭ ئىشلىرىدىن قانداق خەۋەر تاپقانلىقىنى زادىلا بىلمەيمەن، بالام. قارىغاندا بۇ بەتبەخت مەن ئويلىغاندەك تەلۋە ئەمەس ئىكەن. تەلۋە سىياقىغا كىرىۋالغان جاسۇس ئىكەن. باشتىلا ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇش توغرۇلۇق ئاكامنى ئاگاھلاندۇرغانىدىم، ئەمدى بالام سىلىنى ئاگاھلاندۇراي. مۇڭسۇز رەھىمسىز ئەبلەخ، ئۇنى مەرھۇم ئاتىلىرى زىنداندىن
باشى، ئاندىن جاندارلار باشى قىلىپ يوغىنىتىپ قويغان. خاقان بولغانلىرىدىن كېيىن، مەن بوزاغۇغا ئەقىل كۆرسەتكەندىم، ئۇنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مۆھسۈزنى قاپۇغچى باشى قىلىپ تەيىنلىدىم. بۇنىڭ بىلەن بۇ سىرلىق كاللىكەسلەرنى تاللانغان سىپاھىلاردىن نېرى قىلدۇق. بۇ ھەقتىمۇ سىلى بىلەن مەسلىھەتلىشەلمىگىنىم ئۈچۈن كەچۈرسىلە، بۇغرام، — قۇماربېك ئوغلىنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاچنى تىزىگە ئېلىپ قويۇپ، باغرىغا باستى، — بالام، بۇ مۆھسۈز دېگەن ئەبلەخ سىلىنى تەختكە چىقىرىشتا ئاجايىپ كۈچ چىقاردى. ئەمدى سىلىگە راستىنى دەي: ئاتىلىرى ئۆلمىگەن بولسا، مەن، سىلى، ئاكام بوزاغۇ ئۆلتۈرۈلەتتۇق. ئۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى. بۇنى كاللىلىرىدىن چىقىرىۋېتىپ، تەختلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ كۈيىدە بولۇشلىرى ھەممىدىن زۆرۈر. بايا مۆھسۈزدىن قاراباخشىنىڭ قوزغۇردىدىن غەلىتە ھالدا قايتىپ كەلگىنىنى ئاڭلىدىم.
— راست، ئابا. ماڭا سىرتماق، مەكتۇپ ئېلىپ كەپتۇ، — ئىبراھىم تېگىن گەپ قىلىۋېتىپ سىلىكىنىپ كەتتى. ئۇ يانچۇقىدىن مەكتۇپنى ئېلىپ بەردى.
ئوقۇپ ئۆتۈپ ئۆچكەن قۇماربېك مەكتۇپنى يىرتىپ پارە - پارە قىلىۋەتتى.
— بۇنى ساقلاپ نېمە قىلاي دەيلا. ھەرقانداق ئادەم ئوقۇسا، چۆچۈپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ، — دېدى قۇماربېك ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ، — روھلىرىنى چۈشۈرمىسلا، بۇغرام، غەيرەتلىك بولسىلا، كۈچ - قۇدرەتلىرىدىن دۈشمەنلەر دەر - دەر تىترەپ، ھەيۋىلىرىدىن ئاۋام خەلق تەپ تارتىپ، ئەمر - پەرمانلىرىدىن چىقمىسۇن.
ئىبراھىم تېگىن بېشىنى كۆتۈردى:
ئابا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا توپىلاڭ بولۇۋاتسا، ئېلىكخان، ئارسلانخانلار، يابغۇ، كۆل ئېركىن، سانغۇنلار① بۇغراخان بولغىنىمنى ئېتىراپ قىلمايۋاتسا، ئۆلكە، ۋىلايەت، ئايماقلاردىن كېلىدىغان باج سېلىقلار توختاپ قالغان تۇرسا، روھىمنى قانداق كۆتۈرىمەن؟ ئاتامدىن قالغان سىپاھلارغا بېرىلىۋاتقان ئاسخوت خەزىنىنى قۇرۇقداپ قويدى. قورغانلاردا تۇرۇۋاتقان سىپاھلار قاچماقتا. ئۇلارنىڭ قورسىقى تويغۇدەك ئاشلىقنى يەتكۈزۈپ بېرەلمىدىم. روھى كۆتۈرۈلگۈدەك پۇلنى قوللىرىغا تۇتقۇزالمىدىم، ئابا. ئەتراپىمنى نەپسىبەتچى، خوشامەتچى ئاچ كۆز ئەمەلدارلار قاپسىۋالدى. نېمە قىلىشىمنى، ئەلگە قانداق يارلىق، پەرمان چۈشۈرۈشۈمنى بىلەلمەي قالدىم. ئابا، مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ئابا ئابا… دەردىنى تۆككەن ئىبراھىم تېگىن ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.
ئۇنىڭ بېشىنى سىلاۋاتقان قۇماربىكە قولىنى تارتىۋالدى. لېۋىنى چىشلەپ قانتۇۋەتتى. سەنلەپ سۆزلەپ ئوغلىنى پۇسكايتىۋەتتى:
ئېسىت، ئېسىت، ساڭا قىلغانلىرىم. سېنى بۇغراخان قىلىمەن، دەپ ئېرىمنىمۇ قۇربان قىلدىم. جېنىمنى ئالىقانىمغا ئېلىپ قويۇپ ئوردىدا ئۆزگىرىش قىلدىم، سېنى تەختكە چىقاردىم. ئەمدى ئۆھ، دەپ غەلىبە خوشاللىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەۋاتسام، ماڭقىڭنى ئېقىتىپ كىرىپسەنغۇ؟ سېنى قانداقمۇ بۇغراخان دېگىلى بولسۇن؟ بۇغراخان دېگەن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرۈۋېتىدۇ. سەن نېمە قىلدىڭ؟ ئالتۇن گۈرزە تۇتقان يۇرتۇغلار بىلەن توققۇز تۇغلۇقنى لەپىلدىتىپ، يۈرۈش قىلىپ باقتىڭمۇ؟ سەن ھېچنېمە قىلمىدىڭ، لېۋا. قورقۇنچاقلىق قىلدىڭ، ھەتتا شىكارغىمۇ
① قاراخانىيلار خاندانلىقىدىكى ئەمەل ناملىرى. ئېلىكخان، ئارسلانخانلار سۇلتان، پادىشاھقا تەڭ ئەمەل؛ يابغۇ، كۆل ئېركىن، سانغۇنلار ئايماق، قوشۇن باشلىقلىرىنىڭ ئەمەل ناملىرى.
چىقىمىدەك ئۆلۈمتەك. مەن تېخى سېنى بۇغراخان بولسا، ئېلىكخان، ئارسلانخانلارنى ئالدىدا تىز پۆكتۈرۈپ، بۈگۈ بەلگە ئۆلىمالارنى ئۆزىگە دۇئا قىلدۇرىدۇ. ئۆز نامىغا قۇتبە ① ئوقۇتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. ھۇجرامدا كىچىك بالىدەك يىغلاپ تۇرغىنىڭنى قارا. يېشىڭنى ئېرت. ئالدىمدا يىغلىغۇچى بولما! سەن ماڭا يىلىنماي، قىلىچىڭنى باش ئۈستۈڭگە كۆتۈر! گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟! — قاتتىق ئارقىرىدى قۇماربەك كۆزلىرىدىن يېشىل ئۇچقۇن چاچرىتىپ.
— ئاڭلىدىم ئابا، ئاڭلىدىم، — پىچىرلىدى ئىبراھىم تېگىن.
— ئەمىرىڭنى ئورۇنلىمىغان يوغروش، ھاجىپلارنى چاپ، زىندانغا تاشلا! ساڭا كۆز ئالايتقاننىڭ كۆزىنى ئوي، دارغا ئاس! بويۇنتاۋلىق قىلغان ئاۋامنى قىر — ئۆلتۈر! شۇنداق قىلالمىساڭ تەختتە مەھكەم ئولتۇرالايسەن، ئوقۇتۇغمۇ؟
— ئۇقتۇم ئابا، مەن ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن.
— رەھىم قىلماسلىق سېنىڭ ئەقىدەڭ بولسۇن، بۇغرام. سەن مېنىڭ بالام، سەن مېنىڭ تاجدۆلىتىم. بۇنىڭدىن كېيىن بېشىڭنى ئېگىز، قىلىچىڭنى تىك تۇت، زەردىلىك بول، يۇمشاقباشلىق قىلما! خەزىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغان بولسا مەن ساڭا ئالتۇن — كۈمۈش بېرىي. ئەمدى قاراپ تۇرما! ئەبو ئەلى ھەسەن ئارسلانخان لەشكەر تارتىپ كەلگۈچە، سەن لەشكەر باشلاپ ئالدىغا بار. مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئاتلىنىپ بارسغانغا باستۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن سۇباشلارغا ئەمىر قىل، بۇغرام؟ — دېدى قۇماربەك بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئۈزۈپ — ئۈزۈپ سۆزلەپ.
— بارسغانغا؟ — ھەيران بولدى ئىبراھىم تېگىن، — قوز ئوردۇغا يۈرۈش قىلماي، بارسغانغا يۈرۈش قىلامدۇق؟
— بۇنىمۇ ئويلاپ يېتەلمىدىڭمۇ، بالام؟ ئاڭلا، بارسغاننى
① قۇتبە — پادىشاھلار نامىغا سۆزلەنگەن نۇتۇق.
ئالماق ئاسان. ئۇ يەردە كۆچىمىزگە كۈچ قوشۇلىدۇ. ئاندىن قۇزغۇردۇغا لەشكەر تارتىپ بېرىپ، ئەبۇ ھەسەن بىلەن بەگتۈسۈپنى تۇتۇپ دارغا ئاسىمىز، قۇماربېك «سەن»نى «سىلى»گە ئۆزگەرتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ چاغدا باھادىر خاقان ئوغلىمنىڭ شان شۆھرەتلىرى پۈتۈن ئالەمگە يېيىلىدۇ.
ئېيتقانلىرى كەلسۇن، ئابا.
دېگەنلىرىمنى ئوبدان ئويلاپ كۆرۈپ جاۋاب بەرسىلە، بالام.
ئىبراھىم تېگىن ھەرقانچە ئويلىنىپمۇ ئانىسىنىڭ كۆرسەتكەن ئەقلىدىن ياخشى چارىنى تاپالمىدى. ئۇنىڭ ئەقلى شۇنچىلىك ئىدى.
ماقۇل، ئابا. ئەمدى كۆڭلۈم بىرئاز ئارامغا چۈشتى. مەن ئەتە پۈتۈن لەشكەرلىرىمنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەييارلىنىپ ئاتلىنىشى ئۈچۈن سۇباشلارغا جىددىي پەرمان چۈشۈرەي.
بۇغرام، جېنىم بۇغرام. ھەرگىز دېلىغۇل بولمىسىلا، كەسكىن بولسىلا. سىلى بالا ئەمەس، بۇغراخان، شاھىنشاھ. بوزاغۇ تاغىلىرىدىن گۇمانلانمىسىلا، مۆھسۈزنىڭ گەپلىرىگە ھە دەپلا قويمىسىلا. ئۇنىڭدىن پەخەس بولسىلا، قېيىنئاتىلىرى دوقاقبەگنى بارسخانغا ئاتلىنىش ئالدىدا ئېلىكخانلىققا تەيىنلەپ ئالىپ چاغرىبەگ ئۇنۋانىنى بەرسىلە، ئۇ ناھايىتى ساداقەتمەن.
ئەلۋەتتە، ئابا. بارسخاننى ئالغان كۈنى قېيىنئاتامنى ئېلىكخانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزىمەن. ھە راست، بوزاغۇ تاغامچۇ؟ يەنە مۆھسۈزمۇ بار.
تاغىلىرى بوزاغۇنى قۇزغۇردۇغا ئېلىكخان قىلىپ تەيىنلەشلىرى لازىمدۇر. بۇنى ئەسلىرىدە ساقلىغايلا. مۆھسۈزنى ماڭا قويۇپ بەرسىلە. خىزمەتلىرىمنى ئادا قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر پىيالە شاراب بىلەن جېنىنى ئالىمەن.
ئەمدى بىلدىم، ئابا، سىلى ئاجايىپ ئەقىللىق جۇمۇ.
بۇغراخانلىق تەختىگە مەنمۇ ئەمەس، سىلى لايىق ئىكەنلا.
- ئوغلۇم سىلىنىڭ بۇغراخان بولغانلىرى - مېنىڭ بولغىنىم، - قۇماربەككە ئورنىدىن تۇرۇپ، تام جازىسىدىن بىر خۇمرا شاراب ئالدى. كۈمۈش جامغا تولدۇرۇپ قويۇپ، ئىبراھىم تېگىنگە تۇتتى، - ئىچسىلە بالام، روھلىرى كۆتۈرۈلسۇن. ئىبراھىم تېگىن ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ جام شاراب ئىچىپ، كاۋاپ قىلىنغان بىر قىرغاۋۇلنىڭ گۆشىنى يېدى.
- خاقان بالام، ئوردىكەنتتە بۈگۈ بىلگە، مەرتىپىدار زاتلار ئاز ئەمەس. تەدبىرسىز، بۆلۈمسىز ئوردا ئەمەلدارلىرى ئورنىغا ئۇلارنى قويسىلا، ئاۋاممۇ رازى بولىدۇ. دۆلەت ئىشلىرىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىدۇ، - دېدى ئۇ قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرغان ئىبراھىم تېگىنگە.
- دېگەنلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق، ئابا. ئەمما بۈگۈ بىلگە، ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ئوردىدا خىزمەت قىلىشنى رەت قىلدى.
- رەت قىلدى؟ قاچان، ئەجەب مەن خەۋەر تاپماپتىمەنلا!
- ئۆتكەن ئايدا، خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەن شەيخۇلىسلام نۇرىدىن داموللا ئورنىغا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنى تەيىنلەپ يارلىق چۈشۈرۈسەم ئورداغا كەلگىلى ئۇنىمىدى.
- نېمىشقا ئۇ بۈگۈ بىلگىنىڭ ساقىلىنى قولىقى بىلەن قوشۇپ كېسىپ تاشلىمىدىلا بۇغرام؟
- ئوردىكەنت ئەھلىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ.
- بۇغراخان بولغان كىشى ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ چۈشسىمۇ ئەنسىرىمەيدۇ. «ئەنسىرەپ» دېگەن سۆز بۇنىڭدىن كېيىن ئېغىزلىرىدىن چىقمىسۇن! ئېغىزلىرىدىن چىققاننى ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈم بولسۇن، ئوغلۇم!
- ئەمىرلىرىنى ئورۇنلايمەن، ئابا.
- خۇدايىمغا ئامانەت، ئوغلۇم.
- تەڭرىم ئۆزلىرىنى پاناھىدا ساقلىغاي. ئىبراھىم تېگىن خاس ھۇجرىدىن چىقتى. قۇماربەككە
بۇيرۇشى بىلەن ئىككى كېنىزەك ئۇنى ئىككى ياندىن يۆلەپ ئالتۇن تارىم ئەپروزە خاتۇننىڭ قەسرىگە ئاپىرىپ قويدى. — خاقانىم يەنە ئىچىپلا — ھە! ئاۋايلاپ ماڭسىلا، — دېدى ئالدىغا چىققان خانىش قولتىقىدىن يۆلەپ. — ئىچمىسەم خاپىلىقتىن نېرى بولالمايمەن، ئالتۇن تارىم. ھازىر مەن خوش. سىزنى سېغىنىپ تۇرۇمەن، — خاس ھۇجرىغا كىرگەن ئىبراھىم تېكىن كېنىزەكلىرىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزىنى قاتمۇقات سېلىنغان كىمخاب تۆشەككە تاشلىدى. ئالتۇن تارىم ئەپروزە خاتۇن كېنىزەكلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبراھىم تېكىننىڭ قېشىدا ئولتۇردى. — خاقانىم، پەرىشان كۆرۈنىسىزغۇ؟ — نېمە؟ مەن پەرىشان كۆرۈنىمەنمەن، سەنچۇ؟ مەن دېگەن بۇغراخان تۇرسام، پەرىشان كۆرۈنلا دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ سەن باشقىچە بولۇپ قاپسەنلا، — ئىبراھىم تېكىن خانىشنىڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسىنى مىجىقلاپ ئاغرىتۇۋەتتى. — ۋايجان، خاقانىم! — ئەپروزە خاتۇن چىرقىراپ كەتتى. — ۋارقىرىماڭ قوزام. مەن ئالۋاستى ئەمەس، ئېرىڭىز بۇغراخانمەن. كىيىمىڭىزنى سالامامسىز؟! ئىبراھىم تېكىن خانىشنى بىردەم «سەن»، بىردەم «سىز»لەپ جىلە قىلىپ باغرىغا باستى. — ئۇسساپ كەتتىم، چاي بېرىڭ ئۇمۇقۇم. — تاماق يېمەملا شاھىم؟ — قورساقىم توق. ئەپروزە خاتۇن كېنىزەكنى چاقىرىپ چايغا بۇيرۇدى. ئاچچىق دەملەنگەن چايدىن ئىككى پىيالە ئىچكەن ئىبراھىم تېكىننىڭ مەستلىكى يېشىلدى. — چىراغنى ئۆچۈرۈپ، دېرىزىنى ئېچىۋەتسەڭ ئالتۇنۇم. خانىش پەردىنى قايرىپ، دېرىزىنىڭ بىر قانىتىنى ئېچىۋەتتى. غورقىراپ كىرگەن تۈن شامىلى ئۇنىڭ قارا چاچلىرىنى يەلپۈندۈردى.
— نېمانداق قاراڭغۇ؟ دېدى دېرىزىگە كۆز تىككەن ئىبراھىم تېكىن قورقۇنچ بېسىپ.
— كېچە دېگەن شۇنداق قاراڭغۇ بولىدۇ، خاقانىم، ئۇنتۇپ قاپتىلا ھە؟!
ئىبراھىم تېكىن غودۇڭشۇپ بىر نېمىلەرنى دېدى. خانىش ئۇقالماي، «ياتقىن دەۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ، كۆڭلىكىنى سېلىپ، كۆكسىدىن باغرىداقنى ئالدى. يوتقانغا نازلىنىپ كىرمەكچى بولۇۋاتقاندا، ئىبراھىم تېكىن:
— دېرىزىنى يېپىۋەت! دەپ بۇيرۇدى.
خانىش ئېچ كۆڭلىكى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىنى يېپىۋەتتى. ئاستا كېلىپ يوتقانغا كىرمەي يۆكۈنۈپ ئولتۇردى.
— بۈگۈنمۇ بەگ تەرەكسى ئۆتكۈزۈلدىمۇ، خاقانىم؟
— ياق. ئابامنىڭ قەبرىسىگە باردىم.
— تۈركەن خاتۇن ئائىلىرى ئوبدان تۇرۇپتۇمۇ، خاقانىم؟
— ئوبدان تۇرۇپتۇ.
— شارابنى نەدە ئىچتىلا، خاقانىم؟
— بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟! نەدە ئىچكۈم كەلسە شۇ يەردە ئىچىمەن دە. بۈگۈن ئۆمرۈمدە ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىمدىن كۆپرەك ئاجايىباتلارنى ئاڭلاپ، كۆرگەندەك بولدۇم. ئورنۇمدا باشقا بىرسى بولسا، بوغۇلۇپ ئۆلۈۋالاتتى. مەن ئۆلمەي كەلسەم باغرىمنى ئاچماي سوئال سوراق قىلىۋاتىسەن، كەلگىن، كۆڭلۈمنى ئال!
ئىبراھىم تېكىن ئالتۇن تارىم ئەپرۇزە خاتۇننى تارتىپ قۇچاقلىدى. ئۇنىڭ شەھۋانىي نەپسى ئۇنى جاھاننىڭ غەملىرىدىن خالاس قىلدى.
3
قىيا ئوچۇق دېرىزىدىن كىرگەن كۈزنىڭ غۇر غۇر شامىلى ئۆي ھاۋاسىنى يېڭىلاپ، بىمارغا راھەتبەخش ئېتەتتى. بېشىنى
ئېگىز قىلىپ ياتقۇزۇپ قويۇلغان بۇ بىمار باشقا ئادەم بولماستىن، ياشانغان چېغىدا ئاغرىپ يېتىپ قالغان بەگتاش جالالىددىن ئىدى. دىلداربىكەنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان ئاتىسىنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ داۋالاتقىنىغا بىر ھەپتە بولغانىدى. ئۇ تەكشۈرۈپ، ئاتىسىنىڭ سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئىكەنلىكىنى، قېنى ئازلىق كېسىلىگىمۇ مۇپتىلا بولغىنىنى بىلدى. گۈرۈچ تاماققا ۋە گۆشكە ئامراق بولغان بەگتاش جالالىددىن بۇ كېسەلگە ئۆتكەن يىلى گىرىپتار بولغانىدى. ئۇ قىزىنىڭ يېنىك تاماقلارنى، مېۋە، كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ، گۈرۈچ ۋە گۆشتىن پەرھىز قىلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەسىگە ئانچە ئېتىبار قىلماي، كېسىلىنى ئېغىرلىتىۋالغانىدى. تاماق يېمىسە، بولۇپمۇ، پولو، مانتا، كاۋاپ قاتارلىق تائاملارنى يېمىسە مەيدىسىگە ئاغرىق كىرىپ كەتكەندەك، يېقىندىن بېرى قورسىقى ئاچسىمۇ تاماقتىن ئاز يەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇ تۈپەيلىدىن تېنى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭغا قان ئازلىق كېسىلىمۇ يېپىشقانىدى. ئورۇقلاپ بىر تېرى - بىر سۆڭەك بولۇپ قالغىنىچە ماغدۇرى ئۆزۈلگەنىدى.
دىلداربىكە ئاتىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندىن بېرى، كېچە - كۈندۈز كۆيۈنۈپ داۋالاۋاتاتتى. سوقۇر ئۈچەينى ئوپېراتسىيە ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى. ئۇ بۇ ۋاقىتقا قەدەر بىر قانچە ئايالنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، سوقۇر ئۈچىيىنى ئېلىۋېتىپ، ساقايتقانىدى. پەقەت ۋاقتى ئۆتۈپ ئۈچىيى يېرىلىپ سېپىپ كەتكەن بىر ئايال ساقىيالماي قازا قىلغانىدى.
لوقمان ھەكىمنىڭ كېسەل داۋالاش توغرىسىدىكى رىۋايەتلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان، ئىبىن سىنانىڭ كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، زامانىسىدىكى ئاتاقلىق تېۋىپلارنىڭ داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل - تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەن، تەتقىق قىلغان دىلداربىكە ئاتىسىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، ياللۇغلانغان سوقۇر ئۈچىيىنى ئېلىۋېتىش قارارىغا كەلدى. بۇنىڭغا چوك ئاكىسى
بەگتاش خېلىل قوشۇلغان بىلەن، ئانىسى خانكىش ئاغىچا خېنىم، كىچىك ئاكىسى بەگتاش جېلىل قوشۇلمىدى، لېكىن ئەمدى كۆتۈپ تۇرۇشقا بولمايتتى.
قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن دىلداربەكە بەگتاش خېلىلنى تېللا سارايدىن، بەگتاش جېلىلنى سودا سارايىدىن چاقىرتىپ كەلدى. ئاتىسىنىڭ يېنىدىكى ئانىسىنىمۇ ئۇلار بىلەن خاس ھۇجرىسىغا تەكلىپ قىلىپ جىددىي سۆزلەشتى.
— ئابا، ئاكىلىرىم، ئاتامنىڭ كېسىلى ئېنىق بولدى. سوقۇر ئۈچەي ئىكەن.
— سوقۇر ئۈچەي ئىكەن؟ قانداق داۋالىماقچى بولۇۋاتىسەن سىڭلىم؟ — دەسلەپ بەگتاش جېلىل ئېغىز ئاچتى، ئۇ چاغقىچە تېخى يېقىندىلا قايتىپ كەلگەنىدى.
— قورساقنى يېرىپ ياللۇغلانغان سوقۇر ئۈچەينى ئېلىۋەتمەكچىمەن.
— ۋاي خۇدايىم، ئاتىلىرى كۆتۈرەلمەيدۇ، قىزىم. ئۇنى قىينىمىسلا، — قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى خانكىش ئاغىچا خېنىم يىغلامسىراپ.
— ئابام توغرا دېدى. ئاتامنىڭ قورساقنى يېرىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇنى ئۆز ھالىغا قويغان تۈزۈك. مەن سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا، سوقۇر ئۈچەينى ئېلىۋېتىمەن، دەپ بىر ياش ئايالنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىلا، ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ — بەگتاش جېلىل سىڭلىسىغا كەسكىن سوئال قويدى.
— ئۇنتۇپ قالمىدىم، ئاكا، ئەجەب ئەسلىرىدە ساقلاپلا! سىلى دېگەن ئايالنىڭ سوقۇر ئۈچىيى يېرىلىپ سېسىپ كەتكەن ئىكەن. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەچكە ئامال بولمىغانىدى. لېكىن، ئاتامنىڭ ئۇنداق ئەمەس. ئىشەنچىم كامىلكى، خۇدا خالىسا ئاتامنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ شىپا تاپتۇرىمەن.
— شىپا تاپتۇرىمەن؟ — مېڭىسىدە ئاچچىق كۈلكە پەيدا بولغان بەگتاش جېلىل قولىنى سىلكىدى، — قەتئىي بولمايدۇ.
ئاتام قېرىپ قالغان ئادەم، قاسساپتەك پىچاق بىلەن قارنىنى يارىسلا چىداشلىق بېرەلەرمۇ؟ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىلا. بۇنداق قىلمىشلارغا قوشۇلساق خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولىمىز.
— بۇنداق دېمىسىلە، ئۇكام. كېسەل باشقا، ئەجەل باشقا. ئۇلۇغ تەڭرى تىبابەت ئىلمىنى ئىنسانلارنىڭ كېسەل ئازابىنى تارتمەسلىكى ئۈچۈن ئاتا قىلغان. ھەممىمىز تەڭرىنىڭ شەپقىتى بىلەن نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتتۇق. ئاتامنىمۇ كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلالايدۇ. مەن قوشۇلىمەن، — دېدى بەگتاش خېلىل ئىشەنچ بىلەن.
— بەگتاش خېلىل ئاكام توغرا دېدى. تەڭرى بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئەجەل ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئەجىلى مۇئەللەق. بۇ ئەجەل ھەرقانداق ئادەمنىڭ بېشىدا ھەرۋاقىت مەۋجۇت. ئۇنىڭغا سەۋەب قىلىنمىسا، ئادەم بىكاردىن - بىكار ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىككىنچىسى ئەجىلى مۇتلەق، بۇ ئەجەل قايسى چاغ كەلسە ئادەم شۇ چاغدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. دەقىقە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدۇ. ئۇنىڭغا بەندە ئامال قىلالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە شۇنداق دېيىلگەن، «ھەدىس شەرىپ»تە شۇنداق كۆرسىتىلگەن. ئاتامنىڭ كېسىلى بولسا، ئەجىلى مۇئەللەقنىڭ ئالامىتى. ئۇنىڭغا چارە قىلساق ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چارە قىلىنمىسا تەڭرى ئالدىدا ئاتامنىڭ قاتىلى بولۇپ قالىمىز. مەن بۇنى خالىمايمەن. بارلىق تىرىشچانلىقىم بىلەن ئۇنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ساقايتىمەن.
دىلداربىكەنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىمۇ بەگتاش جېلىلىنى قايىل قىلالمىدى.
— بولمايدۇ، سىڭلىم بولمايدۇ. ئاتام ساقىيالمايدۇ. ئۇنى ئۆز ھالىغا قويغان ياخشى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى قىينىماسلىقىمىز كېرەك.
— ئېيتقانلىرىچە بولغاندا ئاتامنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈپ تۇرامدۇق، ئاكا؟
— مەن بۇنداق دېمىدىم. — بۇنداق دېمىدىم؟ شۇنداق دېدىڭ بەگتاش جېلىل ئاكا. ئاتام پاتراق ئۆلسە ئونىڭ مال - مۈلكىگە بۇرۇنراق ئېرىشسەم دېگەن نىيەت بىلەن، داۋالىشىمغا قارشى چىقىۋاتىلا، — دىلداربىكە ئونىڭ كۆڭلىگە پۈككىنىنى ئاشكارىلىۋەتتى. بەگتاش جېلىلنىڭ چىرايى ئۆچتى. ئۇ سارغۇچ بۇرۇتلىرىنى دىرىلدىتىپ: — مېنىڭ سىلىنىڭ پىچاقلىرى بىلەن ئۆلگەن ئاتامنى كۆرگۈم يوق! — دەپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدى. — بالام نەگە بارىلا؟ چىقىپ كەتسىلە. سىگىللىرىنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس… — خانكىش ئاغىچا ئىشىكنى جائىگىدە يېپىپ چىقىپ كەتكەن بەگتاش جېلىلنىڭ كەينىدىن توۋلاپ قالدى. — ئابا، ئۇ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايدۇ. دۇئا بېرىلە. سىگىلىم ئاتامنى ئازابلاۋاتقان سوقۇر ئۈچىيىنى ئېلىۋەتسۇن، — دېدى بەگتاش خېلىل، ئۇھايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالغان دىلداربىكەگە ھېسداشلىق قىلىپ. خانكىش ئاغىچا خېنىم دىلداربىكەنىڭ قولىدىن تارتىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. — بالام، مەن دۇئا بېرەي، خۇدايىم ئاتىلىرىغا قوللىرىنى شىپا قىلىپ بەرسۇن. دىلداربىكە يىغلىۋەتتى. — ئابا، ئاكا، بايا ئۆزۈمنى تۇتالماي بەگتاش جېلىلغا قاتتىقراق تېگىپ قويدۇم. بۇنىڭ سەۋەبى ئاتام ساقايغاندىن كېيىن ئېيتىپ بېرەي، — دېدى ئۇ ئانىسىنىڭ مەڭزىگە ئېقىپ چۈشكەن ياشلىرىنى قولى بىلەن ئېرتىپ. ئۇلار بىللە تاماق يېدى، ناماز پېشىننى بىللە ئوقۇدى. نائۈمىد قويماسلىقنى، بەگتاش جالالدىنغا شىپالىق ئاتا قىلىشنى ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىشتى.
دىلداربېكە ئانىسى بىلەن ئاتىسىغا بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ، دورا ياساش ئۆيىگە چىقتى. كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئاتىسى ياتقان خانىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ توختىدى. دىلداربېكە ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىردى. بەگتاش جالالىددىن ئىككى شاگىرت ئاچچىق قىزنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن ئۆگرە ئىچىۋاتاتتى. «تاماقنى يېۋالسۇن، مېنى كۆرسە، يېمەيمەن، دەپ خاپىلىق قىلىشى مۇمكىن». بۇ خىيالنى سۈرگەن دىلداربېكە ئىشىك تۈۋىدە كۈتۈپ تۇردى.
قىزى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «بالام قورساقىم ئاغرىۋاتسا، قانداقمۇ گېلىمدىن تاماق ئۆتسۇن؟» دەپ يېگىلى ئۇنماسلىقى مۇمكىن ئىدى. باشقا ئاغرىقلار مۇلايىم، شېرىن سۆز، سىلىق مۇئامىلە بىلەن تاماق يېگۈزسە، ئۇ تارتىنىپ بولسىمۇ، ياق دېيەلمەيتتى.
دىلداربېكە كىرگەندە، بەگتاش جالالىددىن لەۋلىرىنى چىشلېۋالغانىدى.
«يەنە ئاغرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ئاغرىقلارنى خىجىل قىلماي دەپ، ۋاي - ۋايلار كەتكەنلىكى ئۈچۈن لەۋلىرىنى چىشلېۋاپتۇ» دەپ ئويلاپ، يېنىغا كەلگەن دىلداربېكە سورىدى:
— ئاتا، تاماق يېۋالدىڭىزمۇ؟
— يېدىم.
— قورساقلىرى ئاغرىۋاتامدۇ؟
— ئانچە ئەمەس.
«ئانچە ئەمەس» دېگىنى — «قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ» دېگەن مەنىنى بېرەتتى. بۇنى چۈشەنگەن دىلداربېكە:
— دورا ئىچۈرۈپ قوياي، — دەپ، ئەپيۇن شىربىتىنى ئارلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە تەييارلانغان مەجۈندىن چىلانچىلىك يېگۈزۈۋەتتى، بەگتاش جالالىددىننىڭ قورسىقىدىكى ئاغرىق پەسەيدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئاجايىپ بىر مەستخۇش
راھەتلىنىشتىن يايراپ، كۆزلىرى ئوچۇق ھالدا قېتىپ قالدى. ئۇ بىھوش بولغانىدى.
دىلداربەك شاگىرت ئەمجىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئاتىسىنىڭ چاپان - كۆڭلەكلىرىنى سالدۇرۇۋەتتى. بوۋاي ئىشتىنى بىلەنلا قالدى، ياداپ قاقشال دەرەختەك بولۇپ قالغانىدى.
سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا چىلانغان ئاق ماتا بىلەن ئاتىسىنىڭ قورسىقىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ئوزاققىچە سۈرتكەن دىلداربەك نەم قۇرۇغاندىن كېيىن، شاگىرتى سۇنۇپ بەرگەن ئۆتكۈر پىچاق بىلەن بىرلا كېسىپ قورساقنى ياردى.
— ئوڭ قولىنىڭ تومۇرى بارمۇ؟
— بار، ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، ئادەتتىكىچە سوقۇۋاتىدۇ.
— ئادەتتىكىچە؟ راستلا شۇنداقمۇ؟
— شۇنداق، — جاۋاب بەردى ئوڭ قولىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان شاگىرت قىز.
سول قولىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان شاگىرتىمۇ:
— شۇنداق ئاتاساغۇن خېنىم، ناھايىتى ئوبدان، — دېدى.
دىلداربەك ئۈچ پىچاقنى يەڭگۈشلەپلا كېسىلگەن سوقۇر ئۈچەينى تەلەپكە ئۈستىگە قويدى.
— شۈكۈر تەڭرىم، — دېدى ئۇ پېشانىسىگە مەرۋايىتتەك تىزىلغان تەرنى ئېرتىپ، — پېقىرەنى ئاتاساغۇن قىلىپ بىمارلارنى داۋالاش خىزمىتىگە قويغىنىڭدىن ناھايىتى مىننەتدارمەن. شۈكۈر تەڭرىم، مىڭ شۈكۈر.
ئۇ يارغان يەرنى تىكىپ بولدى. باشقىلارنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇپ، ئاتىسىنىڭ يېنىدا يالغۇز قالدى. تومۇرىنى تۇتۇپ بالىلىق مېھرى بىلەن ئوڭىغا باقتى.
بەگتاش جالالىددىن تېخى ھوشىغا كەلمىگەنىدى. چىرايىدىمۇ باشقا ئۆزگىرىش بولمىغانىدى. بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان ساق ئادەمدەك ياتاتتى. تومۇرىنىڭ سوقۇشىمۇ ئادەتتىكىدەك ئىدى.
«ئاتا — غەمگۇزار، ھايات ئېتىزىغا سۆيگۈ ئۇرۇقىنى
چاچقۇچى ئاشىق. ئاننى قەدىرلىگۈچى غەمخار. ئائىلىنى بەرپا قىلغۇچى ئەزىمەت. گۈل - كۆچەتلەرنى كۆز يېشىدا سۇغىرىپ بوستان - گۈلىستان قىلغۇچى باغۋەن. بارلىقىنى تەقدىم ئېتىپ قۇرۇق قالغۇچى، مەھزۇنلۇققا يېتەلمەي ئارماندا كېتىدىغان تىنىمسىز يولۇچى. يۈكنىڭ ئېغىرنى كۆتۈرگۈچى ئاچ قورساق ھامبال. كېچە - كۈندۈز پەرھىزلىرىنىڭ غېمىدە چامە - تەدبىر ئىزدەيدىغان پىكىر قىلغۇچى. ئۇ شۇنداق ھارمايدىغان، چارچىمايدىغان باھادىر پىداكار. ئۆمۈر بويى مۇشەققەت چۆلىدە سەرەسسان بولغۇچى جاپاكەش ئىنسان…» دەپ پىچىرلاپ بەگتاش جالالاددىننىڭ چەككە تومۇرلىرىنى ئۇۋۇلىدى، ئۇيقۇسىنى سىلىدى.
نەچچە كۈندىن بېرى ئاتىسىنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش كۈيىدە تولا ئويلىنىپ، كىتاب كۆرۈپ، تۈزۈك ئۇخلىيالمىغان دىلداربىكەنى مۆگدەك باستى. ئۇ بېشىنى ئاتىسى باش قويغان تەككىگە قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتى…
— بالام… قىزىم…
دىلداربىكەنىڭ قۇلىقىغا يەر ئاستىدىن ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز ئۇنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ بېشىنى سىلاۋاتقان قولنى تۇتتى. بۇ ھوشىغا كەلگەن ئاتىسىنىڭ قولى ئىدى.
— ئاتا! جېنىم ئاتا! ھوشلىرىغا كەپلا - ھە؟ — دېدى ئۇ ئاتىسىنىڭ ئىسسىق قولىنى مەڭزىگە يېقىپ.
— ھوشۇمغا كەلدىم قىزىم. «ئاتا — جېنىم ئاتا!» دەپ توۋلاپ ھوشۇمغا كەلتۈردىلە. چۈش كۆرگەن ئوخشىماملا بالام؟ ھوشۇمغا كېلىپ قارىسام ئۇخلاۋاتقانكەنلا.
ئاتىسىنىڭ بۇ گېپى دىلداربىكەنى خىجىل قىلىپ قويدى.
— ھوشلىرىغا كېلىشلىرىنى كۈتۈپ، قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغىنىمنى قارىسىلا. راست چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە سىلى چوڭ يولدا كېتىۋاتقۇدەكلا، مەن «ئاتا! ئاتا!» دەپ توۋلاپ يىغلاۋاتقۇدەكمەن. ئاۋازىم تېشىغا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،
ئاتا.
— ئەگەر سىلى چۈشەكەپ توۋلىمىغان بولسىلا ھوشۇمغا كېلەلمەيتتىم، بالام.
— قورساقلىرى ئاغرىۋاتامدۇ، ئاتا؟
— ياق، يېگەن دورا پايدا قىلغان ئوخشايدۇ، بالام، — دېدى بەگتاش جالالىدىن، قورساقى تىلغاندەك ئاغرىپ تۇرسىمۇ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
چاققانلىق بىلەن قورساقىنى يېرىپ، سوقۇر ئۈچەينى ئېلىۋەتكىنىنى بىلىپ ياتقان ئاتىنىڭ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ لەۋىنى چىڭ چىشلەپ، ئۈن چىقارماي ھېچنېمىنى بىلمىگەنگە سېلىشىدا، ئېرىشكەن ئۆز مۇۋەپپەقىيىتىگە قىزىنى قايىل قىلىش ئارقىلىق، داۋالاشقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئارزۇ بار ئىدى. ئاتا بۇ مۇددىئاسىغا يەتتى. ۋۇجۇدىدىكى بەرداشلىق بېرىش روھى سالامەتلىكىنى كۈتكەندىن بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈردى.
بەگتاش خېلىل بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. ئاتىسىنىڭ ساقايغانلىقىنى مۇبارەكلەپ، مىسىرنىڭ يوللۇق شايىسىدىن تىكتۈرگەن ئېسىل توننى، دىلداربېكەگە مەرۋايىت دوپپىنى كىيدۈرۈپ قويدى…
ھەممىدىن بەكرەك خۇشال بولغىنى خانىش ئاغىچا خېنىم ئىدى. ئۆزى بىلەن بىر تەككىگە باش قويمىغىنىغا ئىككى يىل بولغان ئېرىنىڭ قۇچاقلىشى، كىيىمىنى سالدۇرۇپ باغرىغا بېسىشى — چوكانلىق دەۋرىگە قايتۇرغاندەك بولدى. ئۇ چەكسىز شادلىققا چۆمدى. ئانىسىدىن قالغان بىر ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈكنى قىزىنىڭ قولىغا سېلىپ قويدى.
دىلداربېكە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، ئاتىسىنىڭ سالامەت بولۇپ كەتكىنىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇرسەن ئىدى.
خۇشلۇق بىلەن خاپىلىق — قوشكېزەك، دېگەن ھېكمەتكە ئىشىنىدىغانلار كۆپ ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئونداق بولۇشنى
خالىمايدۇ. ھالبۇكى، خوشلۇق بىلەن خاپىلىق بىر - بىرىنىڭ ئورنىنى بېسىش ئۈچۈن ھەمىشە بىر - بىرىنىڭ پېيىدا بولىدۇ. بۇ ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. بۇ ئىككى تەرەپ قوشۇلۇپ، مۇكەممەل تۇرمۇشنى تەشكىل قىلىدۇ.
دىلداربىكىنىڭ خوشلۇقىنى مۆھسۈز خاپىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئۇ شەنبە كېچىقرۇن زاۋال ۋاقتىدا كەلدى.
— ئاتاساغۇن بېكەم، يولۇمغا تازا قارىغانسىز - ھە؟! — دېدى ئۇ مېھمانخانىدا ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ.
دىلداربىكە دەرھال نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي، تېڭىرقاپ قالدى. ئۇ بۇ قارام خۇنپەرەگە مۇۋاپىق جاۋاب بېرىپ، تېزرەك كەتكۈزۈۋېتىشنى ئويلاپ:
— يولىڭىزغا قارىدىم قاپۇقچى بېشى، قارىمىغان، سىز يەنە شۇنداق تېمەن تۇرۇپسىز، — دېدى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا.
— ھا - ھا - ھا… — قاقاھلاپ كۈلدى مۆھسۈزگە بۇ گەپ مەمنۇن بولۇپ، — قەيسەربەگنىڭ ئادەملىرى سىزنى يەنە ئاۋارە قىلمىغاندۇ؟
— ئاۋارە قىلدى، يەنە ئىككى قېتىم كەلدى. ئۆيلىرىمنى ئاختۇرۇپ غادىرۇسكىن قىلىۋاتقاندا، «قاپۇقچى باشىنى چاقىرىپ كەلگەن» دەپ بىر خىزمەتچىنى ئوردىغا بۇيرۇۋېدىم، بۇنى كۆرگەن قەيسەربەگ ئورنىدىن قوپتى.
— ئاندىن قانداق بولدى؟ — قىزىقىپ سورىدى مۆھسۈز.
— قانداق بولاتتى؟ نامىشەرىپىڭىزنى ئاغزىمدىن چىقىرىشىمغا قەيسەربەگ ئادەملىرى بىلەن قۇيرۇقىنى خادا قىلدى.
— ھا - ھا - ھا… غوجا ئاكىڭىزنىڭ قارىسىنى كۆرۈش تۈگۈل، نامىنىلا ئاڭلىسا، ھەرقانداق مانا مەن دېگەن نوچىمۇ ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ. مەندەك بىر ھىمايىچىڭىزنىڭ بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولىدىغانسىز؟
— ئەلۋەتتە، قاپۇقچى بېشى.
دىلداربىكە خىزمەتكارلارنى بۇيرۇپ داستىخان سالدۇردى. گىردەك، يەل - يېمىش قويۇدۇرۇپ، گۆزەردىن كاۋاپ ئەكەلدۈردى. مۆجۈز داستىخانغا قاراپمۇ قويمىدى. — بىر نەرسە يېمەمسىز يوقمۇ؟ نېمىشقا زوۋان سۈرمەيسىز قاپۇقچى بېشى، ساق تۇرغانسىز؟ — ساق دېسىڭىز ساق، ئاغرىق دېسىڭىز ئاغرىقمەن ئاتاساغۇن خېنىم. — بۇ نېمە دېگىنىڭىز قاپۇقچى بېشى؟ — ساق ئەمەس، ئېغىر كېسەلمەن، ئاتاساغۇن خېنىم. بالائەتكە يەتكىنىمگە قىرىق يىل بولغانلىقى راست. ئەمما، تېخىچە بويتاقمەن، مېنى قانداقمۇ ساق دېگىلى بولسۇن؟ مەن بىر گۆزەل ئاتاساغۇن خېنىمنىڭ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە داۋالىشىغا موھتاج، — مۆجۈز دىلداربىكەگە تىكىلدى. — سىزنىڭ تېخىچە خوتۇنىڭىز يوقمۇ؟ — يوق، ئاغىچا خېنىم. مەن شۇنداق بەختسىز. كۆڭلۈم چۈشكەن دىلرەباغا تېخى يەتكىنىم يوق، — ئۇ يالغان ئېيتتى. — ئەجەب — ھە؟! — ھەيران بولغان قىياپەتتە باش چايدى دىلداربىكە، — قېنى تېتىپ كۆرۈڭ، بۇغا گۆشىدىن قىلىنغان قىيما كاۋاپ. — ئۆيلەنمىگىچە كاۋاپ يېمەيمەن ئاتاساغۇن خېنىم. — ئەمسە سامسا يەڭ. ئولار گۆشتە قىلىنغان. — سامسىنىمۇ ئۆيلەنگىنىمدىن كېيىن يەيمەن. — ئانداق بولسا داستىخاننى يىغىۋەتسۇن، — دىلداربىكەنىڭ ئىشارىتى بىلەن خىزمەتكار ئايال داستىخاننى شۇ ھامان يىغىشتۇرۇۋەتتى. — مېنى ھەيدىمەكسىزمۇ ئاتاساغۇن خېنىم؟ قاراڭغۇ چۈشسىمۇ ئۆيىڭىزنىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرمىدىڭىزغۇ؟ — ھەيدەشكىمۇ ھەددىممۇ قاپۇقچى بېشى. سىزگە تېخى سوۋغاتنىمۇ بەرمىگەن تۇرسام.
— قانداق سوۋغات بەرمەكچىدىڭىز خېنىم؟ — مۆڭگۈزنىڭ چېقىر كۆزلىرى ھەييارلىق بىلەن قىسىلدى.
— ئۆتكەندىكى، — دىلداربېك تاغار خالتىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى، — قاپۇقچى بېشى بولغاندىن بۇيان ئالدىراشچىلىقتا كېلەلمىدىڭىز. ئوردىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ خاقانىمىز قانداق تۇرۇۋاتىدۇ؟ جاناپلىرىدىن بىلىپ، كۆڭلۈم ئارام تاپسۇن تۇراتتى. سىز كەلمەي گاچا، كوردەك بولۇپ قالغانىدىم. بۈگۈن كېلىپ مېنى غايەت خۇرسەن قىلدىڭىز بېگىم، سىزگە نېمىشقىمۇ سوۋغات بەرمەي.
دىلداربېك ئۆستىلىك بىلەن مۆڭگۈزنىڭ دىل قۇلۇپىنى ئېچىۋەتتى. ئۇ باش لىڭشىتقان ھالدا كۈلۈمسىرەپ دېدى.
— كېلىشىمگە سىزنىڭ بۇنچە تەقەززا بولۇشىڭىزنى بىلمەپتىمەن، بېكەم. دېگىنىڭىزدەك كۈنبويى خاننىڭ يېنىدىن نېرى بولالماي كېلەلمىگىنىم راست. قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئايماقلىرىدا توپىلاڭ يۈز بەردى. بۇ ھەقتىكى شۇم خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ خاقانىمىزنى بىئارام قىلىۋەتتى. ئېلىكخان، ئارسلانخانلار ئىبراھىم بۇغراخاننى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇۋالدى. تارتۇق، باج — سېلىقنى ئەۋەتمەي، خەزىنە قۇرۇقدىلىپ قالدى. ئەھۋال ئېغىر. بۇغراخان بارسىغانغا يۈرۈش قىلماقچى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يولغا چىقماقچىمەن.
— سەپەرگە چىقامدىلا، نېمە ئۈچۈن قاپۇقچى بېشى؟
— ئەبو ھەسەن ئېلىكخان، توغرۇل قاراخان، بەگىيۈسۈپلەرنى جازالاش ئۈچۈن. ئىبراھىم بۇغراخان مېنى چاپائۇل قىسمىغا سۇباشى قىلىپ تەيىنلىدى.
— ھە، بىلدىم، ئەنسىزچىلىك دەڭا؟
— ئەنسىزچىلىكلا ئەمەس، بۇ چوڭ پاراكەندىچىلىك، — سۆزىنى توختاتقان مۆڭگۈز خالتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قارىدى، يارقىراپ تۇرغان تىللا، ئالتۇنلارنى كۆرۈپ مېڭىسىدە كۈلۈپ
قويدى. — بەرگەن سوۋغاتلىرىڭىز يېتەرلىك بولدى. ئەمدى ئۆزىڭىزگە قايتۇرماقچىمەن، ئاتاساغۇن خېنىم. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بېگىيۈسۈپنى يوقلاپ زىندانغا تۇنجى قەدەم باسقان ئاشۇ كۈنلا سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان ۋە سوۋغىتىڭىزنى قوبۇل قىلىپ تەلەپلىرىڭىزنى ئورۇنلىغاندىم، ۋەسلىڭىزگە شەيدا بولغان كۆڭلۈمنى ئالتۇنمۇ، قىلىچمۇ، بىلىكمۇ قايتۇرالمايدۇ، بۇنى بىلىپ قويۇڭ. ئەتە، يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگنىڭ ئاغزىچە خېنىمنى ماڭا ئەلچى بولۇپ زەردار بەگتاش جالالىددىن جاناپلىرىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ماقۇل جاۋابنى ئېلىپ قايتىشى كېرەك. ئەگەر «ماقۇل» دېگەن جاۋابقا ئېرىشەلمىسە، ئاتىڭىز ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، تۈگەيدۇ. مۇھلەت ئەتەدىن باشلاپ ئۈچ كۈن. تۆتىنچى كۈنى مەن ئوردۇكەنتتىن سىزنى ئېلىپ بارسخانغا كېتىمەن، — مۆڭسۈز تىللانى يەكنەنداز ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇردى — دە ئېتتىك چىقىپ كەتتى.
مەيدىسىنى تۇتۇپ قالغان دىلداربەكەنىڭ چېھرى ئاپتاپتەك سارغىيىپ تامغا يۆلەندى. شاگىرت، خىزمەتكار قىز — چوكانلار ئۇنى يۆلەپ ئايۋان ئۆيگە ئېلىپ ياتقۇزدى. «تەڭرىم — نىجاتكارىم، مېنى ئۇ قانخور، باغرى تاش زالىمدىن قۇتقۇزۇشنى تىلەيمەن. ئاجىزەلىرىڭنىڭ ئۆزلىرىدىن باشقا نىجاتكارى يوق» دەپ مۇناجات قىلدى.
4
ئىبراھىم تېگىن ھەرەمگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئوردىدىكى ئۆز قەسرىگە كەلگەن مۆڭسۈز خامۇش ھالدا ھۇجرىسىغا كىردى. كۈمۈش ئوتۇغات قادالغان بۆكىنى بېشىدىن ئېلىپ، كەمزۇلى ئۈستىدىن بېلىگە چىڭ باغلانغان تىللا كۆزلۈك
كەمەرنى يەشتى. قوللىرىنى يېنىك سىلكىدى.
«بۇغراخان مېنى بارسخانغا يۈرۈش قىلغۇچى چاپاۋۇل قىسمىنىڭ سۇبېشى قىلىپ تەيىنلەپ، بوزاغۇنىڭ ئوغلىنى قاينىتىپ قويدى. ئەتە دىلداربىكەنى ئەمرىمگە ئېلىپ پۈتۈن ئوردىكەنت ئەھلىنى ھەيران قالدۇرىمەن. ئۆگۈنلۈككە بۇ گۈزەل دىلرەبا بىلەن يولغا چىقىمەن…» دەپ ئويلاپ دېرىزىدىن تاشقىرىغا كۆز سالغىنىچە يانپاشلاپ ياتتى. گۈل - گىياھ دەل - دەرەخلەرنىڭ سارغىيىشقا باشلىغان يوپراقلىرىنى شىلدىرلىتىپ قېقىۋاتقان كۈز شامىلى دېرىزە ئەينىكىنى چەكمەكتە ئىدى. «ئەلچىلەر ماقۇل جاۋابىنى ئېلىپ، پاتراق كەلسە بولاتتى. بەگتاش جالالىدىن ماقۇل جاۋابىنى بەرمەي قۇتۇلالمايدۇ. دىلداربىكەدە گەپ يوق. ئوتتۇزدىن ئاشقان بۇ قىز ياق دېمەيدۇ، ياق دەپ باقسۇنچۇ…»
ئۇ قولى بىلەن تۈكلۈك مەيدىسىگە ئۇردى. بوينىغا ئېسىۋالغان ئالتۇن بۇتنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ: «ھەي، ھەي، ئايال زاتىغا يېقىنلاشمىغىنىمغا قىرىق يىلدىن ئېشىپتۇ. سەن مېنى نېمىنشقا تاقەتلىك، جاسارەتلىك قىلغانسەن. قولۇڭ بولغىنىمدىن رازىمەن. قىساس ئېلىش ئارزۇيۇمغا يەتكۈزۈپ ھەر كېچە بىر نازىنىڭنىڭ ئۆسلىگە يەتكۈزگەيسەن» دەپ ئىلتېجا قىلدى. دىلداربىكەنى ئويلىغانسېرى مۆڭگۈزنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسى كۆپۈپ، كۆزلىرى قىزاردى. قانلىرى ئۇرغۇپ بىتاقەت بولدى. ئىچى تىترەپ ئاستىنقى لەۋنىڭ تەگىدىكى ئۆسۈن بىر تال تۈكنى بارمىقىغا يۆگەپ پاسسىدە يۇلۇۋەتتى. ئاغرىقتىن قورقۇنچلۇق چىرايى پۈرۈشۈپ كەتتى. «ئاناڭنى… نېمانداق كېلىشمەيدىغاندۇ؟» دېدى غۇدۇرىپ. بۇنىڭدىن قىرىق يىل ئىلگىرى قوشۇنىنىڭ توققۇز ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنى ئۇنىڭ خىيالىدىن كەچتى. ئۇ چاغدا ئۇ ئون سەككىز ياشقا كىرگەن قارام يىگىت ئىدى. ئۆز قىشلىقىدىن قېچىپ چىققان مۆڭگۈز قىتان خانىغا نۆكەر بولۇپ
جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇر ئاتالدى. لېكىن، يۇرتىغا قايتىش نېسىپ بولمىدى…
مۆھسۈرنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان چىغى كۆز ئالدىغا كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. خىزمەتكارنى چاقىرىپ بىر خۇمرا مەيزاپ ئەكەلدۈردى. ئارقا - ئارقىدىن جامنى بوشىتىپ، كاۋاپ قىلىنغان ئىككى قىرغاۋۇلنى يەۋەتتى. «دىلداربەكە مېنى زەرگەرلا ھېس قىلسۇن، دەپ ئويلايدۇ. راست مەن زەرگەر ناھايىتى ھېرىس. ئەمما، ئۇ بەرگەن بىر خالتا تىللانى ئالماي، ئۆزۈمنىڭ ئوغۇل بالىلىقىمنى بىر كۆرسىتىپ قويدۇم. ئۇ بىر خالتا تىللانى ئالماسلىقىمدىكى مۆددىئا ئۇنىڭغا ۋە پۈتۈن بايلىقىغا ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى ئۆمۈرۋايەت بىلەلمەيدۇ. چىچى ئۆزۈن، ئەقلى قىسقا - دە. ئونىڭدىن بىرنەچچە كېچە لەززەت ئالساملا بولدى. ئونىڭدىن كېيىن قۇل - دېدەك ئورنىدا ئىشلىتىمەن…»
ئۇ بۇ ئوي كۆڭلىدىن كېچىپ، قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇردى. كېرىلىپ - ئەسنىپ ئۆيدىن چىقىشىغا، ئەلچىلەر ھويلىغا كىرىپ كەلدى. مۆھسۈر:
— كېلىشىسلا ئاغىنىلىرىم، كېلىشىسلا، — دەپ ئۇلارنى ئايۋانغا باشلىدى. — ھايال قىلىشتىلا، بەگتاش جالالدىن مېھماندوست زەردار. ئەزىزىلىرىنى ئوبدان قىلغاندۇ؟
— بىزنىڭ ئەزىزىتىمىزنى قىلمىسا كىمنىڭكىنى قىلىدۇ، قاپۇغچى باشى؟ بىرىمىز يوغرىش باشىنىڭ، بىرىمىز ھاجىبۇل ھۇجراپنىڭ خاتۇنى تۇرساق. ئەزىزىتىمىزنى بەك قىلدى، — بوزاغۇننىڭ چۆڭ خاتۇنى سەرۋىناز خېنىم سۆزلىگەچ، ئاق پەرىجىسىنى خىزمەتكارغا بېرىپ، ھېلىلا رومالنى يۈزىگە دالدا قىلغان ھالدا تۆردىن ئورۇن ئالدى. دوقاقبەگنىڭ كىچىك خاتۇنى ماھىگۈل خېنىم ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. يۆگەكلىك داستىخاننى مۆھسۈرنىڭ ئالدىغا قويدى. سەرۋىناز خېنىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — قوي سويدى، ئەتۋارلىق قوشلارنى كاۋاپ قىلدى. ئىككىمىزگە ئىككى توپ كىمخاب، خىزمەتكار -
ديدەكلەرىمىزگە كۆڭلەكلىك تاۋار قويۇپ ئۇزاتتى. ئەۋەتكەن داستىخانلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خۇشاللىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈردى. مانا كۆرۈپ باقسىلا، — ئۇ بارماقلىرىغا ئالتۇن، تىللا ئۈزۈك سېلىنغان قوللىرى بىلەن داستىخاننى كۆرسەتتى.
مۆڭسۈز سېرىق چۆچىلىق يىپەك داستىخاننى ئاچتى: كۈمۈش تەخسىگە قويۇلغان چوكا شىرمىنان يېنىدا ئالتۇن توقۇلۇق كۈمۈش كەمەر ۋە كۈمۈش ساپلىق خەنجەر تۇراتتى. بۇ ماقۇللۇق بىلدۈرگەنلىكىنىڭ نىشانى ئىدى.
— قۇللۇق، قۇللۇق ئاغىچىلىرىم. ئەمدى مەنمۇ ھەربىرلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرلىرى ئۈچۈن قوي سويام، — دېدى مۆڭسۈز قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ.
— بىزگە تېگىل بولدى، قاپۇغچى بېشى. قوي سويسەمەن دېمىسىلە. قورسىقىمىز ناھايىتى توق. شۇ تاپتا زەپە سالغان چايمۇ گېلىمىزدىن ئۆتمەيدۇ. داستىخانمۇ سالدۇرمىسىلا، مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ مەسلىھەتنى پىشۇرۇۋالايلى، — سەرۋىناز خېنىم رەھمەت ئېيتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — تاپىلىغانلىرىدەك، ئەتە كەچقۇرۇن، ئۆزلىرىنىڭ يېقىن بۇرادەرلىرى، قېيىنئاتىلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنىلا قاتناشتۇرۇپ، نىكاھتىن كېيىن كېلىننى داغدۇغىمۇ قىلماي ئوردىغا يۆتكەپ كېلىشكە پۈتۈشۈپ كەلدۇق.
— ئەجەب ئوبدان بوپتۇ ئاغىچىلىرىم. زادى بۇنىڭغا قېيىنئاتام ئېنىق ماقۇل بولدىمۇ؟
— ماقۇل بولماي نېمە ھەددى! بۇ تەگلىپىمىزنى ئاڭلىغان خانكېش ئاغىچا خېنىم «بىزنىڭمۇ مۇشۇ بىرلا قىزىمىز بار. بۇ ئاتاساغۇن قىزىمىزنى ئەل - يۇرتتا ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئاتىسىمۇ كاتتا زەردار. توينى بۇنداق ئاددىي قىلساق خەق نېمە دەپ قالار؟ بىزنىڭ كىشىنىڭ سەھمىگە سېلىپ باقاي» دەپ چىقىپ كېتىپ، ھايال بولماي قايتىپ كىردى. «بىزنىڭ كىشىمۇ
ئويلىنىپ كۆرۈپ ھەربىرىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ دەستىخىنىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى، قاپۇغچى بېشى. بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلمىغان بولسا، سىلىدەك قېرى بوپتاققا بۈگۈن بىلگە قىزىنى راۋا كۆرمىگەن، ماقۇللۇق بىلدۈرمىگەن بولاتتى.
— رەھمەت، رەھمەت ئاغىنىلىرىم. مېنى ناھايىتى خورسەن قىلىشتىلا، — مۇڭسۇز بۇ ئىككى خېنىمغا بىردىن ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك قويۇپ قويدى، — ھەربىرىڭگە تون ياپاي دېسەم تېخى، ئات مىندۈرەي دېسەم تېخى. لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ، قوبۇل قىلىشقايلا.
— ھەشقاللا، قاپۇغچى بېشى، ھەشقاللا، — دېيىشتى ئۈزۈكنى ئالغان خېنىملار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ. ئۇلار دېدەكلىرى بىلەن خۇشال ئۇزاشتى.
— ئەي مەبۇدەم، بۇ خېنىملارنى پېقىرغا قول — دېدەك قىلىپ بەرمىسەن، — دېدى مۇڭسۇز ئۆيگە كىرىپ ۋە ئۆزىنى يۇمشاق كۆرپىگە تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتى.
ئىبراھىم بۇغراخان ئونىڭ ئۆيلىنىش تەلىپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، يۈرۈش قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلمىغانىدى. مۇڭسۇزمۇ ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، دىلداربېكەنى ئەمرىگە ئېلىش ئارقىلىق ئاتامنىڭ ئىشىنىچىگە ئېرىشىپ، قاراخانىيلار خانلىقىنى ئاغدۇرۇش مۇددىئاسىغا يېتىش ئۈچۈن، بۇغراخاننىڭ پەرمانىغا ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى، شۇڭا بۇ توينى شۇنداق ئاددىي ۋە چاپسانراق قىلىش قارارىغا كەلگەنىدى، ئەمدى ئەلچىلەرنىڭ ماقۇل جاۋابىنى ئېلىپ كېلىشى ئۇنى سۆيۈندۈرۈۋەتكەنىدى.
ئۇ ئويغانغاندا كۈننىڭ ئالتۇن نۇرى ئۆيگە چۈشكەنىدى. باغات تارقىلىپ بولغىچە، قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يوق ئىدى. لېكىن، ئۇ ئالدىراپ كىيىندى. ئوردا ئاتخانىسىدىن قارا بويۇن
توروُقنى ئېلىپ چىقتى دە مىنىپ، ئىككى نۆكەر بىلەن دۆلەتباغدا تۇرۇشلۇق چاپائۇل قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگىلى چىقتى.
بەش مىڭ ئاتلىق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان بۇ قىسىم مۇھەممەد ئارسلانخاندىن قالغان داڭلىق زەربىدار قوشۇن ئىدى. قۇماربېكە، بوزاغۇ، دوقاقبەگلەرنىڭ باش قاتۇرۇپ پىلانلاپ مەسلىھەت بېرىشى بىلەن ئىبراھىم بۇغراخان قارام، رەھىمسىز، كاللىكەسەر مۆھسۈننى بۇ خىللانغان ھۇجۇمچى قوشۇنغا مۇقەددەسلىك ھالدا سۇباشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.
مۆھسۈن سەپراس بولغان چاپائۇل قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەتە كۈنچىقىش بىلەن تەڭ ئاتلىنىپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. چاپچىپ تۇرغان ئات ئۈستىدە تىزگىننى تارتىپ تۇرۇپ:
— ھازىردىن باشلاپ ئېلىپ ماڭىدىغان ياراق ۋە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييار قىلىپ قويۇڭلار. بۇيرۇق بېرىلگەن ھامان ئاتلىنىپ ماڭىسىلەر. بىخەستەلىك قىلغانلارنىڭ قول پۇتى كېسىپ تاشلىنىدۇ، ئۇقتۇڭلارمۇ؟ — دەپ خىتاب قىلدى.
— ئۇقتۇق سۇباشى! — ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ گۈركىرەپ چىققان ئاۋازىدىن ئۈركۈگەن ئاتلار چاپچىپ قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇۋالدى.
— شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئالدىغا مېڭىشلارغىلا بولىدۇ، ئارقىلارغا يېنىشلارغا بولمايدۇ. بارغان شەھەرگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن چاپائۇل قىسمىدىكى ھەربىر نۆكەرگە ئون تىللا ئىنام قىلىمەن. بىر كېچە كۈندۈز بولاڭ تالاڭ قىلىپ ئولجا غەنىمەتكە ئىجازەت بېرىلىدۇ. كىمدىكىم يادىن قورقۇپ، قېچىشقا ئۇرۇنىدىكەن، جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن مۆكۈۋالىدىكەن، تۇتۇلغان يەردە كاللىسى ئېلىنىدۇ، — دەپ پەرمان جاكارلىغان مۆھسۈن قىلىچىنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى.
— پەرمانبەردارمىز! — قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان
نۆكەرلەر قاتتىق ئاۋاز بىلەن ساداقەتتىنى بىلدۈردى.
مۆھسۈز باشقا گەپ قىلماي، ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ قامچا ئۆردى. ئۇ قايتىپ كىرگەندە بوزاغو، دوقاقبەگ قاتارلىق ۋەزىر، ھاجىپ، ئەمىرلەر ئۇنى ئوردا سەيناسىدا ساقلاپ تۇراتتى.
— قاپۇغچى بېشى، شۇنداقمۇ بىخەستەلىك قىلغان بارمۇ؟ تويىڭىز بولۇۋاتسا نەگە كەتتىڭىز؟ — دېدى بوزاغو چىقىر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.
جەڭگاھتىن قايتىپ كەلگەن سانغۇندەك دۆبۇلغا — ساۋۇت كىيىۋالغان مۆھسۈز ھەممىلەرنى ھەيران قالدۇردى ھەم چۆچۈتتى.
— تويىڭىز بولۇۋاتسا جەڭ لىباسىنى كىيىۋاپسىزغۇ؟ نىكاھتىن بۇرۇن بىرەر سىرلىق قەلئەگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولۇۋاتامسىز نېمە؟ — دەپ چاقچاق قىلدى دوقاقبەگ.
— توينىڭ ئۆزى جەڭ. بۇ جەڭدە مەن ئالىدىغان قەلئەگە بۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىم يېقىنلىشالمىغان، ھاجىبۇل ھۆججاپ، — بوزاغونى قايرىپ قويۇپ، دوقاقبەگكە جاۋاب بەردى مۆھسۈز، — مانا مەن ئاشۇ مۇستەھكەم قەلئەنى ئالماقچىمەن. ئۇ يەرگە سىلەردەك سىلىق — سىپايە كۈلۈمسىرەپ بارسام بولمايدۇ.
بوزاغونىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بولسىمۇ زورلاپ كۈلۈمسىرىدى.
— چۈشەندىم قاپۇغچى بېشى، خوتۇن ئالماقچى بولغان ئادەم سىزدەك جەڭگىۋارلىشىپ كېتىدىغان بولسا، بىزمۇ بۇ كېچە يېڭى چۆرە بىلەن ياتساق بولغۇدەك.
ھەممىلەن ياراقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى.
— سىزدە ئونداق جۈرئەت يوق، يوغروش بېشى قەيسەربەگ. مېنىڭ نەگە بارغانلىقىمنى سورىمىسىڭىزمۇ بولاتتى. بۇغراخان ئالىيلىرىنىڭ ئەمىرىنى قۇسۇرسىز ئورۇنلاش ئۈچۈن چاپائۇل قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ كىرگىنىم يامان بولمىغاندۇ؟ — دوق قىلدى مۆھسۈز.
ئۇنىڭ ئالدىدا تىل قىسىنچىلىقى بولغان بوزاغو:
— بولدى، بولدى، چاقچاق قىلىپ قويدۇم قاپۇقچى باشى. كېلىننىڭ ئۆيىگە بارايلى. كۈتۈپ قالمىسۇن يەنە، ئاياللارمۇ بىزنىڭ مېڭىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، — دېدى. — ئانداق بولسا ماڭايلى، — مۆھسۈز ھەممىنىڭ ئالدىدا ئاتقا مىندى.
يۈزدىن ئارتۇق ئەسكەر — ئەشرەپلەر بىلەن ئوردىدىن چىققان مۆھسۈز تېزلىككە پاتماي قالغانىدى. ئەتراپقا نەزەر كۆزلەرنىمۇ سالماي، قىيپاش ئېگىز دۆڭدىن پەسكە چۈشتى. گۈل — بوستانلىق بولاقبېشى مەھەللىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تۈمەن بويىغا چىقتى. بۇ دەريانىڭ ئويناق سۈيى قاشتېشىدەك سۈزۈك بولۇپ، ئۆركەشلەپ، كۆۋەجەپ ئاقماقتا ئىدى. ئۇلار دەريانى ياقىلاپ مېڭىپ، چىمەنلىك تۆپىلىككە يېتىپ كېلىشتى. مۆھسۈز كۆڭۈرلۈك ئەگىم دەرۋازا ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى. نېمە ئۈچۈندۇر يۈرىكى پۇلاڭشىپ كەتتى. — ھوي! ئىشىك ئالدىغا بىرسىمۇ چىقىپ تۇرماپتۇ. ئېتىپ قويغىنىنى قارىمامدىغان، — دېدى ئۇ يېقىنلاپ ۋە كۆزلىرى چېچىلىپ توختاپ قالدى. ھەم ئېتىلگەن ئىشىكنىڭ توچ ھالقىسىدا بىر قارا قۇلۇپ تۇراتتى.
مۆھسۈزنىڭ قارىمۇتۇق چىرايى تاتىرىپ، قوشۇمىسى پۈرتۈپ چىقتى. غەزەپ ئاچچىقىدا يانپىشىنى بويلاپ ئېسىلغان خەنجەرنى غىلاپتىن سوغۇرۇپلا قۇلۇپقا ئۇردى: — ئاناڭنى!
«چاق!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇچقۇن چىقتى، قولىمۇ ئاغرىپ كەتتى. ئۇ بېسى قايرىلغان خەنجەرگە قاراپ، ئۈمۈت يا گۈرزە ئېلىۋالمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئېتنىڭ تىزگىنىنى قويۇۋېتىپ، كەينىگە ياندى ۋە يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئىشىكنى تەپتى. ئىشىك جالا قىلىپ كەتتى. ئۇ ئىككىنچى قېتىم قاتتىق تەپتى. ئىشىك تەۋرىنىپ — تەۋرىنىپ توختاپ قالدى. كۆزىگە قان قويۇلغان مۆھسۈز ئارقىسىغا خېلى يېنىپ، جان —
جەھلى بىلەن كۆچۈپ كەتتى. ئىشىك جالا قىلىپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
بوزاغو، دوقاقبەگلەر باشلىرىنى چايقاشتى. ئۇلار يوغىناپ كەتكەن مۆڭگۈزنىڭ چەپكى يەرگە چۈشكەن ۋاقىتتىكى ھالىتىنى تاما those قىلىشىپ تۇرۇشتى.
مۆڭگۈز ھويلىغا كىردى. ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيتتى. ئايۋان، ساراي، مېھمانخانا ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىمۇ ھەم ئېتىلگەن، ھالقىلىرىغا قۇلۇپ سېلىنغانىدى. ئۇ گۈل-گىياھلارنى دەسسەپ-چەيلەپ، ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئەينەكلىرىنى چىل-چىل قىلىۋەتتى. بوزاغو، دوقاقبەگلەرنىڭ نۆكەرلىرى بىلەن بېسىپ كىرىپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلا نەرسىنى ئۇرۇپ چاقتى. تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ ۋەيران بولغان قورۇدەك، بۇ گۈلزارلىق ھويلا ۋەيرانە-تۆپىلىككە ئايلاندى.
مۆڭگۈز ھويلىدىن يېنىپ چىقتى. بىر ياساۋۇل ئاتنى ئېلىپ كەلدى.
— يۈرۈڭلار، ئوردا ئالدىدىكى بەگتاش جالالىددىننىڭ ئۆيىگە بارايلى، — دېدى ئۇ نۆكەرلىرى بىلەن ھويلىدىن چىققان دوقاقبەگ، بوزاغو باشلىق ئوردا ئەمەلدارلىرىغا. ئۇ ئېتىنى دەۋتىپ: «ئىبراھىم بۇغراخان بىلىپ قويسۇن، ئەل سوراش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. مەن قولۇمغا كىرگەن ئولجىنى قاچۇرۇپ قويغان يەردە، سەن ھەرگىز مەقسىتىڭگە يېتەلمەيسەن!» دەپ ئويلاپ، قىل قامچىنى ئېگىز كۆتۈردى…
ئون ئالتىنچى باب: ئالىمنىڭ غېمى
1
«ئۆزىنى سورىغان يۇرت سوراپتۇ» دېگەن ھېكمەت ئافراسىياپ زامانىدىن قالغانىكەن، ئۆزىنى سوراش — ئۆزىنى بىلىش دېمەكتۇر.
بېدىكلەر قوينى دەسسەپ كۆرۈپ «ئەللىك — ئاتمىش جىڭ كېلىدىكەن» دەپ ئېيتالايدۇ. ئۆزىنى دەسسەپ كۆرۈپ «مۇنداق ئىشنى قىلالايمەن» دەيدىغان ئادەملەر دۇنيادا زادى قانچىلىك؟
«مىللىتىم، ۋەتەنداشلىرىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا ئىنتىلمەسلىكىم، پايدام تېگىدىغانلىكى ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتماسلىقىم، كىشىلەر كۆرمىدى، دەپ خىيانەت، ئوغرىلىق، زىنا قىلىش كويىدا بولۇپ، تەڭرىنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىم، ئاۋامنىڭ مەنسىپىگە قارا سانىماسلىقىم، غېرىب — مىسكىن، يېتىم — يېسىرلەرگە ئازار بەرمەسلىكىم كېرەك دەپ، ياخشى نىيەت، ياخشى تىلەكتە تەمەسىز، خالىس، غۇرۇر — ۋىجدانى بىلەن قەدەم باسقانلار — ئۆزىنى بىلگەن، ئۆزىنى سورىغانلاردۇر.
ئۆزىنى سورىمىغان يۇرت سورىيالمايلا قالماستىن، بەلكى ھاياتلىق يولىدا پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
پادىشاھلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىنى سوراش — ئۆزىنى بىلىش ئۆكسۈمەس ئامەتتۇر. ئۆزىنى سورىغان پادىشاھ ئۆزىنى تەختكە چىقارغان خەلققە زۇلۇم قىلمايدۇ. دەردىگە داۋا بولۇپ،
ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ. ھەمىشە خەلق غېمىنى يەپ، تۇرمۇشىنى، مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كويىدا بولىدۇ. ئادالەت بىلەن ئىش سوراپ، ئاسىي - مۇناپىقلارنى، خىيانەتچى - كاززاپلارنى، خوشامەتچى - تەخسىكەشلىرىنى، قارا نىيەت سۈيقەستچىلەرنى جازالاپ مەملىكەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، قۇدرەت تاپتۇرىدۇ، دۈشمەنلىكنى دوستلۇققا ئايلاندۇرۇپ ئارىسىدىن ئاداوەتنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ئاۋامنى دوست تۇتۇپ ئۆزىگە مەدەتكار قىلىدۇ…»
گۈلدۈرمامىنىڭ ھەيۋەتلىك ئۈنى بەگىيۈسۈپنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى. ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىدىن قارىشىغا يالت - يۇلت قىلغان چاقماق يورۇقى ئۆيگە پاللىدە چۈشۈپ، ئۆچتى. «يامغۇر ياغىدىغان چىغى. ئورداغا بارغۇچە توختاپ قالسا بولاتتى» دەپ ئويلاپ تەرەت ئالغىلى ھويلىغا چىقتى. يامغۇر توختىمىدى. ئۇ بامدات نامىزىنى ئادارباي بىلەن مەسچىتكە چىقىپ ئوقۇپ كىرىپ ئەتىگەنلىك چاينى ئىچتى - دە، سۇلتانبەگ ئېگەرلەپ ئېلىپ كەلگەن ئارغىماققا مىندى، يامغۇر بىردىن توختاپ قالدى.
بۈگۈن ئېبلىكخاننىڭ ئەمرىگە ب those نائەن مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كېڭىشى بولماقچىدى. بەگىيۈسۈپ ئورداغا بارغاندا ھېچكىم كەلمىگەنىدى. ئۇ دىۋانخانىدا كۈتۈپ تۇردى. ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن ۋەزىر - ۋۇزۇرالار بىلەن كۆرۈشتى. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخانمۇ جاندارلىرى بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇ دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن ئېبلىكخان سارىيىغا كىرىپ، تەختكە چىقتى. ئونىڭ ئەمرى بىلەن بەگىيۈسۈپ «ئەھدنامە»نى يەنە بىر قېتىم ئوقۇدى ۋە كېلەر يىل باش ئەتىيازدا پۇختا تەييارلىق بىلەن ئوردوكەنتكە يۈرۈش قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ھەممەيلەن بۇنىڭغا قوشۇلدى. ئېبلىكخان ئۆزى ۋە تاغىسى توغرۇل قاراخان نامىدىن بۇ ھەقتە يارلىق چۈشۈردى.
كېڭەش تۈگىگەندىن كېيىن بەگىيۈسۈپ ئېبلىكخاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ھەرەمدىكى ئارامگاھ سارايىدا، چۈشلۈك
تاماققا توغرۇل قاراخان بىلەن بىللە داخىل بولدى. — ئۆتكىنىدە قۇتلۇقبەگ ئوردىكەنتكە دەرھال يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرنى كەسكىن قويغاندا، كۆڭلۈمدە قوشۇلغانىدىم. بۇ ھەقتىكى مەسلىھەتىڭىز، چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەپەرۋەرلىككە بېرىشىڭىزنى قوللىغانىدىم، — دېدى ئېلىكخان مۆجىزىلىك بېھى شەربىتىنى تەڭلەپ، — بارغىنىڭىز ناھايىتى خەيرلىك بولغانىكەن. «ئەھدنامە»نى ئېلىپ كېلىپ بىزنى ھەم خاتىرجەم قىلدىڭىز، ھەم جاسارىتىمىزنى ئاشۇردىڭىز. بۈگۈن شۇڭا سىزنىڭ تەكلىپىڭىز بويىچە قارار چىقىرىشقا قوشۇلۇپ يارلىق چۈشۈردۈم. ئەمدى سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم — يۇغرۇش بېشى بولۇشنى رەت قىلماي، بۇ ئالىي ۋەزىپىنى قوبۇل قىلسىڭىز. قۇتلۇقبەگ بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. — مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، ھاجىپ. ئېلىكخان بالام بىرنەچچە يىللىق ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزنى بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ، — توغرۇل قاراخانمۇ ئۇنى يۇغرۇش بېشى بولۇشقا دەۋەت قىلدى. بەگىيۈسۈپ بېشىنى چايقاپ سۈكۈت قىلدى. ئۆزىنى يەلپۈپ تۇرغان ئاغۋاتنى قولىنى كۆتۈرۈپ توختىتىپ قويدى. ئۇنىڭ جاۋاب بەرمەكچى بولغىنىنى بىلگەن ئېلىكخان ئاغۋاتلارنى تاشقىرىغا چىقىرىۋەتتى. — توغرۇل قاراخان ھەزرەتلىرى، ئېلىكخان ئالىيلىرى، پېقىر قۇتلۇقبەگنىڭ يۇغرۇش باشلىقتىن ئىبارەت ئالىي ئەمەلنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئالدىبۇرۇن بىلگەن بولساممۇ، بۇ ھەقتە زۇۋان سۈرمىگەنلىكىم، ئۇنى چىقىمچىلىق قىلىپ ئەيىبلەشنى خالىمىغانلىقىمدىن بولغان، — بەگىيۈسۈپ كۆكۈل دەپتىرىگە يېزىلىپ قالغان تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇدى:
ئۆزۈلۈككە بەكمۇ پۈتۈن ئەر كېرەك، ئۇقۇملۇق، ساۋاتلىق بەك ئاقىل كېرەك.
تىلى، كۆڭلى بىر ھەم قىلىقى، كۈنى، ئۇياتلىق، كۆيۈمچان ۋە خەلقنىڭ چىنى.
كۆزى توق، سەگەك، ساق ھەم ئىش بىلگۈچى، ياراملىق، يارامسىزنى پەرقلەتكۈچى.
ۋاپادار، ھەم ئىشچان ھەم ئەيمەنگۈچى، ئامانەتتە كۆڭلىنى ساپ تۇتقۇچى.
تولۇق بولسا كىمدە بۇ پەزلى بىلىك①، ئۆزۈلۈك ئاڭا بەرسە بولغاي ئېلىك②.
— بىراق، — دېدى ئۇ كەسكىن، ئەمما بوغۇق ئاۋاز بىلەن، — يېقىن تېخى بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغىنىم يوق. ئوردىمىزدىكى يۇغرۇش، ھاجىپلار ئىچىدە بۇ شەرتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن چارە — تەدبىرلىك، تەجرىبىلىك، جەڭگاھتا قورقۇمسىز، بىلىك بابىدا كامالەتكە يەتكەن، ھەر قانداق مۈشكۈل خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئېغىر — بېسىق زاتلار يوق ئەمەس. ئىچى قۇرۇق، تېشى يالتىراق خوشامەتچىلەرمۇ ئارىمىزدا بار، — بەگىيۈسۈپ سەل تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — تارىختىن مەلۇمكى، بۇرۇن ئۆتكەن پادشاھلارنىڭ بەزىلىرى يۇغرۇش بېشى بولۇشقا تېگىشلىك كىشىنى ياخشى تاللىيالمىغىنى ئۈچۈن، ئۆز ئېلىنى زور زىيان — زەخمەتكە ئۇچرىتىپلا قالماي، بەلكى ئۆزلىرىمۇ تاجدىن، شەرەپتىن، كۈچ — قۇدرەتتىن
① پەزلى بىلىك — ئىلمىي پەزىلەت. ② ئېلىك — پادشاھ، ھۆكۈمدار (ئېلىكخان). «قۇتادغۇ بىلىك»: 2234 — ، 2235 — ، 2236 — ، 2237 — ، 2238 — بېيىتلەر.
ئايرىلىپ قالغان. تارىختا مۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. يوغۇرۇش باشىنى ئەستايىدىل باش قاتۇرۇپ تاللاش لازىم. ھەزرىتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنمۇ بىر قېتىم يوغۇرۇش باشى تاللاشتا خاتالىشىپ تۈزەتكەنىكەن.
— قانداق تۈزەتكەنىكەن؟ — سورىدى ئېلىكخان بىر قوزغىلىپ.
— ئۇنىڭ جەڭگاھتا ئاتانغان، ئۆزى ياش، تەمبەل بىر سانغۇنى بار ئىكەن. ئۇنى ياق تۇرۇپ قىلىپ يوغۇرۇش باشى قىلىپ تەيىنلەپتۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەزىنە بېگى زىياپەت بېرىپتۇ ۋە سانغۇننىڭ يوغۇرۇش باشى بولغانلىقىنى مۇبارەكلەپ، چىرايلىق ئېچىلغان بىر تال ئەتەرگۈلنى تۇتۇپتۇ. سانغۇن گۈلنى ئېلىپ قىلىچ قىنىغا قىستۇرۇۋالغان كەمەرگە قىستۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ئىسكەندەرگە يارماپتۇ. «يوغۇرۇش باشى، جەڭگاھتا ئالىپ بولسىڭىزمۇ، بۈگۈن توغرا قىلمىدىڭىز. سىزنى ئالاھىدە مۇبارەكلەپ تۇتۇپ بەرگەن گۈلنى چىكىڭىزگە ياكى مەيدە يانچۇقىڭىزغا قىستۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك ئىدى» دەپ تەنبىھ بېرىپتۇ. بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ، سۇباشى ئۇنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بېرىپتۇ. پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىنغان پاقلاننى پارچىلاپ بىر ساننى يېڭى يوغۇرۇش باشىغا تۇتۇپتۇ. ئۇ ئىككى قوللاپ ئېلىپ تاياققا قىستۇرالماقچى بولۇپ بېشىغا قويۇپتۇ. گۆشنىڭ ياغلىرى ئېقىپ يۈز - كۆزى، كىيىملىرىنى بۇلغاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئىسكەندەر ۋە باشقا مېھمانلار ئۇنىڭ كالتەپەملىكىدىن تازا كۈلۈپتۇ. زىياپەتتىن كېيىنلا، بۇ پەمسىز سانغۇننى يوغۇرۇش باشلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانىكەن.
قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشكەن ئېلىكخان بىلەن توغرۇل قاراخان:
— توغرا دەپسىز بەگىسۇپ، بۇ رىۋايەتتىكى يوغۇرۇش باشى بوزاغۇغا، قۇتلۇقبەگكە ئوخشايدىكەن، — دېيىشتى.
— شۇنىڭ ئۈچۈن شاھلىرىم يوغۇرۇش باشىنى تەيىنلەشتە،
شو كىشىنىڭ ئىتائەتچانلىقىغا، شېرىن سۆخەنلىكىگە قارىماي، ساداقەتمەنلىكىگە، پاراسەت - شۇجائىتىگە قاراش مۇھىم. تارىخ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا سەل قارىغان پادىشاھ تەختىدە ئۇزاق ئولتۇرالمايدۇ.
ئەبۇ ھەسەن ئېلىخان تاغىسىغا قارىدى. توغرۇل قاراخان باش لىڭشىتىپ قويۇپ دېدى:
— بۈگۈ بىلگە جاناپلىرى، ئېيتقانلىرى بەرھەق. ئېلىخان بالام يۇغرۇش باشىنى ياخشى تاللىيالمىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ يۇغرۇش باشى بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. قورۇقچىلارمۇ، ئوردىدىكىلەرمۇ سىزدەك چارە - تەدبىرلىك بۈگۈ بىلگىدىن يەنە بىرسى يوق. ئۈمىدىمىزنى يەردە قويمايسىز.
بەگتۈسۈپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ بىرنەچچە دەقىقە سۈكۈت قىلدى. مۇشۇ بىرنەچچە دەقىقىدە سۇلايمان ئارسلانخان تەختكە چىققاندىن تارتىپ مۇشۇ دەمگىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ئۆتكەن يۇغرۇش باشلارنى ئويلىدى. ئونىڭ كۆزلىرى ئېچىلغاندا، بىر قارارغا كېلىپ بولغانىدى.
— ھەربىرىنىڭ كۆتگەن يېرىدىن چىقالمىساممۇ، ئىشەنچلىرىگە داغ چۈشۈرمەيمەن، شاھلىرىم. ئەمما، ھازىر بۇ ئالىي ۋەزىپىنى قوبۇل قىلالمايمەن.
— نېمىشقا؟ — قاراخان بىلەن ئارسلانخان تەڭلا سورىدى.
— سۆزۈم چۈشىنىشلىك بولمىغان ئوخشايدۇ…
— ياق، ياق، چۈشىنىشلىك بولدى، — بەگتۈسۈپنىڭ سۆزىنى بۆلدى ئەبۇ ئېلى ھەسەن ئارسلانخان، — يۇغرۇش باشى بولۇشقا تېگىشلىك ئادەمنىڭ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى ھېلى دەپ ئۆتتىڭىز. بۇ شەرتلەرنى روھىي ۋە جىسمانىي تەرەپتىن ھازىرلاپ تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلالمايسىز؟
— مەرھۇم ئاكام سۇلايمان ئارسلانخان دەۋرىدە، دەسلەپ
ھاجىپ، كېيىن ھاجىبۇل ھۇججاب، ئاندىن يۇغرۇش باشى بولۇپ، بۇغراخان جەمەتى ۋە پۈتۈن ئېلىنىڭ ھۆرمەت - ئىززىتىگە نائىل بولغاندىكىز. بىلىم جەھەتتىن سىز بۈگۈ بىلگە، تەجرىبە دېسە، سىز ھەممىدىن تەجرىبىلىك، شىجائەت بابىدا سىزگە تەڭ كېلىدىغان چاره - تەدبىرلىك ئەرباب يوق. ئەل ئېغىر كۈنگە قالغاندا نېمىشقا يۇغرۇش باشى بولۇشنى خالىمايسىز، ھاجىپ؟ — زەردە قىلدى توغرۇل قاراخان.
بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى كۆكسىگە قويدى:
— شاھلىرىم، — دېدى ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، — رەھبەرلەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىش ھەددىم ئەمەس، ئەمما مېنىڭ ئوردىدا ھاجىپلىق خىزمىتىم بار. بۇرچۇمنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ، رەھبەرلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاقلىيالايمەن، ئاۋامغا يېقىن تۇرالايمەن. ئارسلانخان ئالىيلىرىنىڭ خەۋىرى بار. باشىدا يۇغرۇش باشى بولالمايدىغانلىقىم توغرۇلۇق ئۆزرەمنى ئېيتىپ ھاجىپلىق كۇرسىدا ئولتۇرغانىدىم. بۇ كۆرۈشتىن يۈتكىلىگۈم يوق، مېنى ئارتۇقچە خىجىل قىلىشمىغايلا.
— ئولتۇرۇڭ بەگىيۈسۈپ، — قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزدى ئېلىكخان، — مەيلى رايىڭىزچە بولسۇن. سىز بايا دېگەن يۇغرۇش باشى بولۇشقا تېگىشلىك ئەرباب كىم؟
بەگىيۈسۈپ توغرۇل قاراخان بىلەن ئارسلانخانغا قاراپ دېدى:
— ئۇ جەڭلەردە زەپەر قۇچقان سانغۇن ئالىپ ئۇرخۇنبەگ.
2
جاھانغا نە ياشلىق ئەر تۇغۇلدى كۆر، بىر ئازلا يۈردى - دە، يەنە ئۆلدى كۆر.
بەگ ئۆلسۈن ۋە يا قۇل، يا ياخشى - يامان، ئۆزى ئۆلدى، قالدى ئېتىدىن نشان.
ساڭا تەگدى ئەمدى بۇ نۆۋەت ئورۇن، قىلىپ سەن ياخشىلىق، ياخشى بول بۇرۇن.
تېرىك ئۆلۈر ئاخىر، تۆشەك بولۇر يەر، تېرىكتۇر ئېتى ياخشى بولسا گەر①.
بەگىيۈسۈپ كۆڭۈل دەپتىرىگە يېزىلغان بۇ مىسرالارنى ئۆنلۈك ئوقۇپ، دېرىزىدىن باغقا كۆز سالدى. ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەر تەشۋىشلىك شىلدىرلىماقتا ئىدى.
«ياخشىلىق — ئادەمدىكى پەزىلەت ۋە مۆجىزىدۇر، دۇنيانىڭ خۇشلۇقىدۇر. ھەمىشە ئۇرۇش، جېدەل بولۇپ تۇرسىمۇ، يەر تەۋرەش، قۇرغاقچىلىق، كېسەل كېلىپ كەتسىمۇ، يەنە يېڭىدىن يۈز بەرسىمۇ، ياخشىلىق تۈپەيلى دۇنيا خارابلاشماستىن، بەلكى كۈندىن - كۈنگە ئاۋاتلىشىدۇ، گۈزەللىشىدۇ. ياخشىلىق دېمەك ھاياتلىق دېمەكتۇر. بۇنى ئادەملەرنىڭ كۆپى چۈشىنىپ يەتكىنى يوق. ئۆزىنى بىلمەي، تونۇماي تۇرۇپ، ياخشىلىقنى جارى قىلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟…»
ئۇ خىيالچان كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكتى. قارا، سۇر بۇلۇتلار ئارىسىدا قالغان يۇلتۇزلار ئاندا - ساندا چاقناپ ئۆچمەكتە. قىزلارنىڭ كۈمۈش تارغىقىدەك ھىلال ئايمۇ كۆرۈنمەيدۇ. يىراقتىن بۆرىنىڭ ھۇۋلىغىنى ئاڭلاندى. نېمىدېگەن سۈرلۈك ئاخشام…
بەگىيۈسۈپ كەينىگە يېنىپ ئورنىدا يانپاشلىدى. ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان كۆرگەن، تونۇشقان، دوستلاشقان كىشىلەرنى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ ئويىنى داۋاملاشتۇردى: «ئادەمنى تەقدىرلا ئەڭ توغرا چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئەقىل - پاراسەت، ئەركىنلىك، ئىختىيارلىقنى بېرىپ، مېيىلگە
① «قۇتادغۇ بىلىك» 234 - ، 235 - ، 236 - ، 237 - بەتلەر.
قويۇۋەتكەن. ئادەمنى سىناش ئۈچۈن شەيتاننىمۇ تىلىكىنى بەرگەن. مانا شۇ تۈپەيلى جاھاندىكى ھەممە كېلىشمەسلىكلەر: خۇنخورلۇق، ئازاب - ئوقۇبەتكەر، زورلۇق، زۇلۇم، سوغۇقچىلىقلار، بۇزۇقچىلىق، بۇزۇقچىلىقلارنى بىر قىسىم ئۆزىنى بىلەلمىگەن نەپسىانىيەتچى كاززاپلار سادىر قىلىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئادەملەر بولسا ئۆزىنى بىلىپ، ئۆزىنى تۇتۇپ، ئەزگۈ تىلەك، ئەزگۈ نىيەتتە دۈشمەنلىكنى دوستلۇققا، جەڭگاھنى سەيلىگاھقا، غەم - قايغۇنى خۇشاللىققا، خارابىنى ئابادانلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۈزۈكسىز پىكىر قىلىپ ياشايدۇ. ھەر قانداق قىيىن شارائىتتىمۇ غۇرۇرىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ۋىجدان ئازابى تارتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزى زىيان تارتسىمۇ تارتىدۇكى، كىشىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ. نومۇسىغا داغ تەگكۈزمەيدۇ. بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، ئېغىر كۈنگە چىداپ، ئەلنىڭ، ئاۋامنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ھەر قاچان جان پىدا قىلىدۇ. مانا بۇنداق توغرا پىكىرلىك ئادەملەر گەرچە ئاز بولسىمۇ، خەلققە ساپ دىللىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىپ، ئەلنى ئازاب - ئوقۇبەتتىن، دۆلەتنى مۆئتەدىل بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە ماڭغان يولىدا قۇتلۇق ئىز قالدۇرىدۇ. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان مانا شۇنداق ئەل بېشى، مەسلىھەت ئالىدۇ، مەسلىھەت بېرىدۇ. توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ. مەرد ۋە ئادىل، تېمكىن ھەم جەسۇر، ئۆزىنى بىلگەن ۋە چۈشەنگەن شاھزادە…»
بەگىيۈسۈپ ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخاننىڭ ئۆزىنى قوللاپ يارلىق چۈشۈرگىنىدىن ئەمەس، بەلكى قاراخانىيلار مەملىكىتى، خەلقنىڭ ئىستىقبالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككىلىنمەي توغرا نىشاننى تاللىغىنىدىن مىننەتدار بولغانىدى. مۇبادا قۇتلۇقبەگنىڭ دېگىنىدەك، ئوردو كۆنتكە دەرھال يۈرۈش قىلسا، ئىسسىق ھەم يول ئازابىدىن خارغان، ماغدۇرسىزلانغان قوشۇن چوقۇم تالاپەتكە ئۇچرايتتى. گۆدەك ئارسلاننى ئىنىدىن چىقىرىپ، ئىسسىق ھەم يول ئازابىدىن ھالسىزلاندۇرۇپ، ئاندىن
ئەدەپىنى بېرىش — بۇ ئاقىلانە تەدبىر ئىدى. بەگىيۈسۈپ گەرچە بۇ مۇددائاسىغا ئۆزۈر، ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلدۇرغان بولسىمۇ، غېمى ئازايمىغانىدى.
مۇددائا، تەدبىر — ئەينىلىك ئەمەس. بەزى ھالدا مۇددائا — توغرا، تەدبىر مۇكەممەل بولسىمۇ، ئاقىۋەت مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىپ، كۆزلەنگەن مەقسەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بەگىيۈسۈپ مانا شۇنىڭدىن غەم يەيتتى.
«كېلەر يىلى باش ئەتىيازغىچە تەييارلىقنى پۇختا ئىشلەپ، تەۋەككۈل قىلىپ ئاتلىنىش كېرەك. بەلكىم ئۇ چاغقىچە گۆدەك ئارسلان ئۆزىدىن چىقىپ ئالدىمىزغا كېلىپ قالار. ئۇ چاغدا ئالىپ ئورخونبەگ ئۇنى پاقلاننى باسماقچىدەك باسماقداپ، ئانىسىدىن تۇغۇلغىنىغا توۋا قىلدۇرۇۋېتىدۇ…» دەپ ئويلىغان بەگىيۈسۈپنىڭ كۆڭلى ئازراق تەسەللى تاپقاندەك بولدى. ئۇ باش ۋەزىرلىككە ئالىپ ئورخونبەگنى كۆرسىتىپ توغرا قىلغانىدى.
قۇتلۇقبەگ قالتىس سالاپەتلىك، سۆزمەن بولسىمۇ، ئالىپ ئورخونبەگدەك ياخشى تىلەكلىك، جاسارەتلىك ئەمەس ئىدى. ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزسە، ئېلىكخاندىن دەشنەم يېمىسىلا بولاتتى. ئاغزى بىلەن شەھەر ئېلىپ، ئوردىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش كويىدا يۈرەتتى. بەگ تەرەكسى، زىياپەتلەردە شېرىن سۆخنلىكى، خوشامىتى بىلەن ھەممىلەنى كۈلدۈرۈپ خوش قىلىۋېتەتتى. ئەمما، ئەمەلىي ئىشلاردا توغرا پىكىرلىك، چارە - تەدبىرلىك ئەمەس ئىدى. كۆڭۈلگە ياققۇدەك مەسلىھەت بېرەلمەيتتى. سونىڭ ئېقىشىغا، كۈننىڭ چىقىشىغا قاراپ يول تۇتاتتى. شۇڭا، ئۇنىڭدىن ھېچكىم يامانلىمايتتى. ياخشى گېپىنى قىلاتتى. ئۇنىڭ ئايدا بىر قېتىم خوتۇن يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۆزىنى ناھايىتى ھايالىق، ئالىيجاناب كۆرسىتىدىغان بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى ھەممە ئادەمدىن يوشۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بەگىيۈسۈپتىن يوشۇرۇپ كېتەلمىگەنىدى. بۇ تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى، ئالدىدا گەپ
ساتمايتتى. تېمكىن، خىيالچان بولۇۋالاتتى.
«ئىككى يۈزلىمە، توختالغۇسى يوق كاززاپلارنى خانلىقنىڭ ئالىي خىزمەتلىرىگە قويۇشقا زىنھار بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى ئېبلىكخاننىڭ سېمىگە سېلىپ قويغىنىم خاتائى بولمىدى. خانلىق، خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى تونۇمىغان ئىككى يۈزلىمە كاززاپنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى: مەملىكەتنى، خەلقكە، دوست - قېرىنداشلىرىغا زىيان ئۇرۇشتۇر. زىيان ئۇرۇپ، زىيان سېلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن تۈگەيدۇ. ئادەمنىڭ ئاجىزلىقى مانا شۇ يەردە…»
بەگىيۈسۈپ خىيالىدا، قۇتلۇقبەگنىڭ باش ۋەزىرلىكتىن بۇرۇنراق قالدۇرۇلۇشى ئەل ئۈچۈن پايدىلىق، دېگەن پىكىرگە كېلىپ ئۇيقۇغا كەتتى.
خورازنىڭ چىللىغان ئۈنى يەر ئاستىدىن ئاڭلىنىپ، بەگىيۈسۈپ ئويغاندى. ئۇ شۇنداق سەگەك ئىدىكى، كۆزىنى يۇمۇپ خىيال سۈرۈپ ياتقان كىشىدەك، كىچىككىنە شەپە بولسىلا ئويغىنىپ كېتەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىنى ئاچتى. غۇر - غۇر تاڭ شامىلى ئۆي ھاۋاسىنى يېڭىلىدى. ئۆينىڭ نەزىرى چاقناپ تۇرغان چولپاننىڭ يېنىدا. كۆزى يەتتە ئالتۇن چۆمۈچ بىلەن نۇر تۆكۈۋاتقان ھىلال ئايغا چۈشتى. «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ ئۆنلۈك زىكرى قىلىپ تاھارەت ئالغىلى ھويلىغا چىقتى. كۆكرىكىنى تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى.
تاڭ شامىلى ئادەمگە كۈچ - غەيرەت ئاتا قىلىدۇ. سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئالغان نەپەس ۋۇجۇد قەلئەسىنى پاكلاپ، تۇيغۇ - پىكىرنى ساپلاشتۇرىدۇ. سەھەر تۇرغان ئادەمنىڭ كۈنى بەرىكەتلىك، ئىشى - ئوقىتى نەتىجىلىك، پايدىلىق بولىدۇ. كىچىكىدىن سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بەگىيۈسۈپ ئۆيدە بولسۇن، سەپەردە بولسۇن ياكى ياقا يۇرتتا بولسۇن، ئاي، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان ئاسمانغا قاراپ پىكىر قىلاتتى. قىلماقچى بولغان ئىشىنى سەھەردىن باشلايتتى، بۈگۈنكى ئىشنى
زىنھار ئەتەگە قالدۇرمايتتى.
«ۋاقىتچە تۇرىدىغان، قىلىدىغان ئىشى يېتىپ - ئېشىپ تۇرسىمۇ پىلانلىق، تەرتىپلىك ھالدا بېجىرىشكە كىرىشمەيدىغان كىشىلەر قابىلىيەت - ئىقتىدارى بولسىمۇ، مۇشەققەت - كۈلپەتتىن قۇتۇلالمايدىغان ئىراسىز بىچارىلەردۇر. بۇنداق ئەبگارلارغا ياردەم قىلساقمۇ، قىلمىساقمۇ ئوخشاش. ئۆزىنى ئۆزى خورلاپ، خورلىنىپ دۇنيادىن ئۆتىدۇ» دەپ ئەپسۇسلىناتتى ئۇ.
بەگىيۈسۈپ، ئادارباى بىلەن بامدات نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇپ كىرگەندىن كېيىنمۇ، چاي ئىچىۋېتىپمۇ خىيالىنى داۋاملاشتۇردى: «ئەبگارلار ئاۋام خەلق ئىچىدىلا بولۇپ قالماستىن، باي زەردارلار ئارىسىدىمۇ، بۇغراخان جەمەتى ئىچىدىمۇ بار. بىرلىرى يوقسۇزلۇق، ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئىرا دە، جاسارىتىنى يوقاتقان بولسا، بىرلىرى بايلىق، نام - ئاتاق، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ ئىرا دە - جاسارىتىنى يوقاتقان. ئالدىنقىلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىش مۇمكىن بولسىمۇ، كېيىنكىلەرنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ…»
ئۇ شۇ خىيالدا ئادارباى بىلەن ھويلىغا چىقتى. سۇلتانبەگ ئېگەرلەنگەن ئاتنى يېتىلەپ كەلدى.
— ئاشان بوۋام قانداقراق بالام؟ — سورىدى بەگىيۈسۈپ.
— ئەلھەمدۇلىللا، ناھايىتى تېمەن، كىشى قارا. ئۆزلىرىگە سالام ۋە دۇئا يوللىدى.
— ئامان بولسۇن، بالام. يېقىندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ يوقلاپ بارالمىدىم. ئەتە - ئۆگۈن بېرىپ دۇئاسىنى ئېلىپ كېلىمەن.
— ئاتام ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكلىرىنى بىلىدۇ، كىشى قارا. مەن ھەر كۈنى كەچتە سالاملىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتىمەن.
— رەھمەت بالام، شۇنداقتىمۇ بوۋاينى كۆرگۈم كېلىپ قالدى، — بەگىيۈسۈپ چاپچىپ تۇرغان ئارغىماققا مىندى.
قارا كۆڭلۈكنى ئۆزىنىڭ بېشىغا تۇتقان سۇلتانبەگ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ - تارتىپ ماڭدى.
- بالام «شاھنامە»①نى ئوقۇپ تۈگەتتىڭمۇ؟
- تۈگەتتىم، كىشى قارا.
- قانداق ئىكەن؟
- ئاجايىپ ياخشى كىتاب ئىكەن. ئالغان تەئەسسۇراتىمنى بۇنداق ئاددىي تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، كىشى قارا.
- ئەمىسە نېمە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىسەن بالام؟ سۇلتانبەگ زۇۋان سۈرمەي ئىختىيارسىز ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتتى. ھەر قېتىم ئۇستازىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەندە قىلىدىغىنىدەك جىم تۇرۇۋالدى. ئۇ ئېتىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلمەي قالدى. بەگىيۈسۈپ كەينىگە قاراپ چاقىرغاندىلا، سۇلتانبەگ ئۆزىنىڭ ئات ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال يېتىشىۋالدى.
- بالام، ئالەمدىكى ھەممە مەۋجۇدات تىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان شەيئى دۇنيادا يوق. پەقەت بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ تەڭرى. ئۆزىگە لايىق سۈپىتى، قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغ، تەڭداشسىزدۇر. ئۇ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىل بىلەن شەرھلەپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، تىل تەڭرى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئىچىدىكى ھەممىباب بولغان ئەڭ جازىبىدار، قىممەتلىك ئالتۇن ئاچقۇچكى، ئۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق مەخپىي سىرنى ئاچقىلى ۋە يەشكىلى بولىدۇ. قەۋملەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ناھايىتى پاساھەتلىك، گۈزەل، ئەۋرىشىم بىر تىلدۇر. بۇ تىل بىلەن «قۇرئان كەرىم» گە مەنا بېيىتلىق، ھەدىسلەرنى شەرھلىگىلى، ئاسمان - زېمىندىكى شەيئىلەرنى ماھىيىتى بىلەن
① «شاھنامە» — ئاتاقلىق پارس شائىرى فىردەۋسىينىڭ شېئىرىي شەكىلدە يېزىپ چىققان مەشھۇر رومانى.
چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. كاتتا مۇتەپەككۇر مەھمۇد تېكىن «كىتابۇل جەۋاھىرۇن نەھۋى لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى جۈملىلەرنىڭ مەنىۋى چوڭقۇرلۇقى، راۋانلىقى، گۈزەللىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، باشقا تىللاردىن قېلىشمايدىغانلىقى، ھەتتا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ماڭا ئاشۇ كىتابتىن بىرنى تەقدىم قىلغانىدى، ئۇنى ساڭا بېرەي، ئوقۇپ چىقساڭ پىكرىڭ باشقىچە جانلىنىپ كېتىدۇ. ئۆز ئانا تىلىڭدىن ھۇزۇرلىنىسەن، پەخىرلىنىسەن، — دېدى بەگىيۈسۈپ، ئېتىنى ئاستا ماڭدۇرۇپ.
— رەھمەت ئۇستازىم. بۈگۈن بىلگە مەھمۇد تېكىننىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي» نامى بىلەن ئۇشبۇ كىتابنى يازغانلىقىنى ئۆزلىرىدىن بىرنەچچە قېتىم ئاڭلاپ، كۆڭلۈمدە ئۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىش ئىشتىياقى تۇغۇلغانىدى. لېكىن، تارتىنىپ سورىيالمىغانىدىم. ئەمدى ياخشى بولدى، ئوقۇپ ئۆز ئانا تىلىم بىلەن ۋۇجۇدۇمنى يېڭىدىن قوراللاندۇرۇپ، ئاندىن تەسىراتىمنى سۆزلەپ بېرىمەن، — ھاياجاندىن سۇلتانبەگنىڭ ئۈنى تىترەپ چىقتى.
— ماقۇل بالام. شۇنداق بولسۇن، ئەمما «شاھنامە»نى ئوقۇپ بوپسەن. بۇ پارس تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەر. ئۇنىڭ تىلى توغرىلۇق تەسىراتىڭنى كېيىن تىلىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۆزلەپ بېرەرسەن. ھازىر بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىلۇق تەسىراتىڭنى سۆزلەپ بەرگىن، ئاڭلىغۇم بار.
سۇلتانبەگ بەگىيۈسۈپ بىلەن قاتارلىشىپ مېڭىپ خىيالچان ھالدا دېدى:
— ئادەم ئىىرادىلىك بولسىلا ئارزۇ — مەقسىتىگە يەتمەي قالمايدىكەن. ئانا ۋەتىنىنى جان تىكىپ قوغدايدىكەن. مېنىڭ بۇ كىتابتىن ئالغان تەسىراتىم شۇ.
— ناھايىتى توغرا، بالام. ئىرا دە ئادەمنى تۇتۇپ تۇرىدىغان سۆنمەس تۇتقۇ. «شاھنامە»دە تەسۋىرلەنگەن پادىشاھتىن تارتىپ
نۆكەرلەرگىچە بولغان ھەممە ئادەملەر ئۆز ئىرادىسى بويىچە نامايان بولىدۇ. ئىرادىسى ئاجىزلار مەغلۇبىيەت شارابىدىن ھوشسىز، ئىستىقبالىنىمۇ يوقىتىدۇ. ئىرادىسى مۇستەھكەملەر غەلىبە شارابىدىن غەيرەت جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، خارابە ئۈستىدە يېڭى ھايات بىناسىنى قۇرىدۇ. بۇ نادىر ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مانا شۇنىڭدىن ئىبارەت. شۇڭا، ھەممە ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىدۇ. ئەمما، مۇئەللىپ بۇ ئەسەردە ئىراننىڭ جاھانگىر پادشاھى سىياۋۇشنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پەردەزلەپ كۆككە كۆتۈرگەن. تۇراننىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئادىل پادشاھى ئافراسىياپنىڭ قوغدىنىش ئۈچۈن قىلغان جەڭگاھتىكى باھادىرلىقلىرىنى كەمسىتكەن. بۇ ئەسەرنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىنتايىن ياخشى، قىزىقارلىق يېزىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلساممۇ، تۇرانلىق بولغىنىم ئۈچۈن، تاجاۋۇزچىلىقنى باتۇرلۇق، مەردانىلىق دەپ ئاقلىغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن. غەزەپلىنىپ تۇرالمايمەن، بەگىيۈسۈپنىڭ پېشانە تومۇرلىرى كۆپۈپ، تىزگىننى تۇتقان قوللىرى تىترەپ كەتتى، ئىران قوشۇنىنىڭ باھادىرى رۇستەم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا، ھەرقانداق مۈشكۈللۈك، ئۇتۇقسىزلىق ئۈستىدىن غالىب كەلگۈچى يېڭىلمەس قەھرىمان دەپ سۈرەتلەنگەن، بالام. رۇستەم ھەقىقەتەن شۇنداق غەيۇر، مەردانە قەھرىمانمۇ؟
ئۇستازنىڭ بۇ سوئالىغا سۇلتانبەگ دەرھال جاۋاب بەردى:
— مەن رۇستەمنى ۋە ئۇنىڭ تۇرانلىق خوتۇندىن بولغان ئوغلى بەرھۇنى ناھايىتى ياق تۇرۇپ قالغانىدىم، كىشى قارا. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاپ، چۈشەنچەم يېڭىلانغان بولدى.
— راستىنى دېدىڭ، بالام. «شاھنامە»نى ئوقۇغان ھەربىر
① سىياۋۇش — «شاھنامە»دە تەسۋىرلەنگەن قەدىمكى ئىران شاھى. ② «شاھنامە»دىكى باش قەھرىمان.
تۇرانلىق ئۈچۈن رۇستەم — غايىۋى قەھرىمان سۈپىتىدە دائىم ئويلايدىغان، زوقلىنىدىغان ئەزىمەت بولۇپ سانىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن رۇستەمنىڭ شۇنداق تەڭداشسىز كۈچتۈڭگۈر، ئالىيجاناب بولغىنىدىن ئەمەس، بەلكى مۇئەللىپنىڭ كامالەتكە يەتكۈزۈپ گەۋدىلەندۈرگەنلىكىدىن، بىر - بىرىدىن قىزىق، جەلىپكار ۋەقەلەر ئوقۇرمەننىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىدىن شۇنداق تۇيۇلغان. ھەتتا بۇ ۋەقەلەر ئونىڭ ئىرانلىق تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئوقۇرمەننىڭ كۆڭلىدىكى ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانكى، ئوقۇرمەنلەر ئالدانغىنىنى بىلەلمەي قالغان. مانا بۇ دانا ئەدىبنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىدىكى ئۇستاتلىقى. مەۋلانا فىردەۋسىي شۇڭا شائىرلارنىڭ پادشاھى دەپ ئاتالغان.
ئاتلار گويا ئالىمنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ قىلىۋاتقاندەك باشلىرىنى سىلكىپ ئاستا ماڭماقتا. ئۇستازنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرەتتە قالغان سۇلتانبەگ مېڭە قەلئەسىگە ئورنىشىپ قالغان چۈشەنچىلىرىنى خۇددى كونا بىنانى قۇرۇش ئۈچۈن خىشلىرىنى بىر - بىرلەپ قوپۇرۇپ ئالغاندەك چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئورۇن بوشىتىش ئۈچۈن ئويغا چۆكتى.
ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۇرانلىق ئايالدىن بولغان ئوغلى بەرزۇ بىلەن ئېلىشىپ، ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن رۇستەم كەلدى. ئۇنىڭدا بەرزۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، ئانا ۋەتىنى تۇران زېمىنىنى قوغداش، رەھىمسىز تاجاۋۇزچىغا تارتىقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تەڭدىشى يوق باھادۇرنى يىقىپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قوياتتى…
بۇنداق كۈچ - قۇۋۋەتنى بەرزۇغا تەڭرى مۇھەببەت زېمىن قىلغان تۇراننىڭ ئاش - نېنى، پاك سۈيى، ئاق تۇزى بەرگەنلىكىنى سۇلتانبەگ ئاخىر بىلدى. «مۇئەللىپ ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن ئەدىب ئىكەن. ئۇ يېتۈك قەلەم كۈچى بىلەن
مېنى راستلا ئاداشتۇرۇۋېتىپتۇ، ھەتتا رۇستەمنىڭ بەرزۇدىن يېڭىلىپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلىنىپ، مېنى باشقىچە تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. خەيرىيەت، ئۇستازىم ماڭا ھەقىقەتنى بىلدۈردى. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئەلا ھېچ نەرسە يوق. ۋەتەن مۇھەببىتىنى باشقا ھەرقانداق ھېسسىياتقا ئالماشتۇرغىلى، ئۇنىڭغا داغ تەگكۈزگىلى بولمايدۇ. ۋەتىنىگە ھەقىقىي مۇھەببەت باغلىغان ئادەم — ئىرادىسى مۇستەھكەم ئادەمدۇر. ئۇ ھەرقانداق شارائىتتا ياققا تېز پۈكمەيدۇ…»
— بالام، جىم بولۇپ كەتتىڭغۇ؟ — بەگىيۈسۈپ ئېگەرنىڭ قوش بېشىغا تېكىلىپ خىيال سۈرۈۋاتقان سۇلتانبەگكە كۆز سالدى.
— كىشى قارا، بىلىمكى، مۇتەپەككۇر شائىر فىردەۋسىي يېقىنقى پاساھەت دەشتىدە ئاداشتۇرۇۋېتىپتۇ. مەن ھەقىقىي قەھرىماننىڭ سىياۋۇش، رۇستەم ئەمەس، ئافراسىياپ، بەرزۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. ئەگەر بۈگۈنكى سۆھبەتنى تەڭرىم بىزگە نېسىپ قىلمىغان بولسا، يەنىلا دوستۇم ساناپ يۈرۈۋېرىدىكەنمەن. ھەزرەتلىرىنى ئۇستاز قىلىپ بەرگەن تەڭرىدىن مىننەتدارمەن، — سۇلتانبەگ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
— بىلگەن ۋە بىلدۈرگەن بەندىلىرىدىن تەڭرى رازى، بالام. بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سالغان ھەسەتخور، پىتنىخور بەندىلىرىدىن تەڭرى قانداقمۇ رازى بولسۇن؟ سەن ياش، بېشىڭدىن ئىش ئۆتمىگەن، سائادىتىڭ ئالدىڭدا. ھازىر سېنىڭ تىرىشىپ بىلىم ئۆگىنىش، چەۋەندازلىق ماھارىتىنى ئىگىلەپ جەڭگىۋار روھنى يېتىلدۈرۈش ۋاقتىڭ. قەلبىڭدە ۋەتەن، ئەلگە ھەقىقىي مۇھەببەت بولسا كامال تاپالايسەن، — بەگىيۈسۈپ ئاتلىق مېھرى بىلەن قىلىچىدا ئۇنى تۈرتۈپ سورىدى، — بالام، ئالدىمىزدا ناھايىتى مۈشكۈل، شىددەتلىك جەڭ بار، قاتنىشىشنى خالامسەن؟
— خالايىمەن، كىشى قارا! — سۇلتانبەگنىڭ ئونى بەگىيۈسۈپنىڭ ئىشىنىچىنى ئاشۇردى. «خالايىمەن!» دېگەن سۆز ئونىڭ يۈرەك قاتلىمىدىن جاراڭلاپ چىققانىدى.
— ئوردىغا كېلىپ قاپتۇق. ئاتلارنى ئاتخانىغا ئەكىرىۋېتىپ، ھاجىپلار خانىسىغا كىرىڭ، سۆھبىتىمىزنى داۋام قىلايلى بار.
— ماقۇل، كىشى قارا، — سۇلتانبەگ ئاتلارنى پادىشاھ ئاتخانىسىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ھاجىپلار خانىسىغا كىردى. بىراق، بەگىيۈسۈپ يوق ئىدى. ئۇ نەگە كەتكەندۇ؟
3
ئوردا دىۋانخانىسىغا ئەمدىلا كىرگەن بەگىيۈسۈپ ھاجىپلارخانىسى ئالدىدا كۆيۈتئوغلى ئېلىزادەبەگ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈزرۈكۋار ئاتا. ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋېدىم، — دېدى ئۇ قوللىرىنى كۆكرىكىگە قويۇپ.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام. نېمە ۋەجىدىن كۈتۈپ تۇرغانىدىڭىز؟ — بەگىيۈسۈپ ئەجەبلەنگەن ھالدا ئېلىزادەبەگ بىلەن كۆرۈشتى، — ئۆي ئىچى، بالىلار تىنچ — ئامانلىقتۇ؟
— ئەلھەمدۇلىللا شۈكۈر، بۈزرۈكۋار ئاتا. مەن ئۆيدىن ئەمەس، ئارامگاھ سارىيىدىن كەلدىم. توغرۇل قاراخان ۋە ئېلىكخان ئالىيلىرى ئۆزلىرىنى كۈتۈپ قالدى، قارىغاندا ئۆزلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم بىر ئىش باردەك قىلىدۇ.
بەگىيۈسۈپ سۇلتانبەگ بىلەن كېچىكۈرۈپ پاراڭلىشىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئېلىزادەبەگ بىلەن ھەرەمگە كىرىدىغان خىلۋەت يولغا قەدەم باستى.
باش كۆزۈنۈش غۇر — غۇر شامىلى يولنىڭ ئىككى قاسىنىدىكى تاجبۇل، ئانارگۈللىرىنى يەلپۈندۈرۈپ، يوپۇرماقلارغا ئۇرۇلاتتى. تېخى يوپراقلىرى سارغايىمىغان دەل — دەرەخلەرنىڭ
شاخلىرى شىلدىرلاپ ئېگىلەتتى. ياز پەسلىنىڭ كۈندۈزىگە نىسبەتەن بىرئاز سۆرۈن بولغان سۈبھىدەم ھاۋاسى شۇنچە ساپ ئىدى. ھەر ياندىن تورغاي، تومۇچۇقلارنىڭ يېقىملىق ساداسى ئاڭلىناتتى.
— بالام، ئېبلىكخان، قاراخانلارنىڭ بۇ ئەتەنگەندە مەن بىلەن سۆزلەشكۈسى كېلىپ قالغىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەمسىز؟ — سورىدى بەگىيۈسۈپ. جەڭگاھتىكىدەك دۇبۇلغا — ساۋۇت كىيىۋالغان كۈيۆئوغلىغا قىزىقسىنىپ قاراپ.
— يوقسۇ، بۈزرۈكۋارىم، ئەمما تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن بارسغاندىن چاپارمان كەلمىگەندى. ئېھتىمال شۇ ۋەجىدىن ئۆزلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش چىقىپ قالغان بولسا كېرەك.
— ئەلھال، ۋەزىيەت جىددىي ئىكەن! — بەگىيۈسۈپ شىرىلداپ ئېقىۋاتقان ئېرىق ئۈستىگە سېلىنغان ئەگمە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، ئارامگاھ سارىيىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى خەۋەر قىلغان ئاغۋات چىقىپ:
— مەرھەمەت قىلىشقايلار، — دەپ باش ئېگىپ تۇردى.
بەگىيۈسۈپ ئېلىزادەبەك بىلەن ھەرەمبېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان ئارامگاھ سارىيىغا كىرگەندە، كىمتخاب يىپەكەنداز ئۈستىدە مامۇق تەككىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇشقان قاراخان بىلەن ئېبلىكخان ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. بەگىيۈسۈپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم بەگلەرىم①، قۇتلۇق دەرگاھلىرىغا قەدەم قويغانلىقىمدىن مەمنۇنمەن، خىزمەت بولسا قولۇم كۆكسۈمدە.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۈگۈ بەلگە، مەرھەمەت، ئولتۇرۇڭ، — دېيىشتى ئىككى خان.
بەگىيۈسۈپ كۈيۆئوغلىنى يېنىغا ئېلىپ مامۇق يىپەكەندازغا
① بەگلەرىم — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «شاھلىرىم» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.
يۈكۈندى ۋە دۇئاغا قول كۆتۈردى: — ئاللاھا، ساڭا ئاسان، بەندەڭگە مۇشكۈل. ئەل ئۈستىگە كەلگەن بالا قازانى يوق قىلىپ، تىنچلىق، ئامانلىق ئاتا قىلغايسەن، ئامىن! — ئامىن! — دېيىشتى ئۇلار. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق قەغىزىگە يېزىلغان مەكتۇپنى ئۇزارتتى. بەگىيۈسۈپ ئېلىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. پەرغانە دىيارىنىڭ ئېلىكخانى توغرۇل قاراخان ھەزرەتلىرىگە: ئاللا ئۇلۇغدۇر، بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر. يېقىن ئوغۇللىرى بارسغان ئەھلى بىلەن بىللە ئاللا پاناھىدا ئوبدان تۇرۇۋاتىمىز. كېچە-كۈندۈز ئاگاھ بىز. ئالىيلىرى قۇزئوردۇغا كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، تامغاچ بۇغراخان بۆرە تەگكەن بارلىق سىپاھلىرىنى پەرغانە زېمىنىدىن چېكىندۈرۈپ كەتتى. بۈزرۈكۋارىم، بارسغاندا تۇرۇۋاتقان قوشۇنلىرىنى پەرغانىگە قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنى ۋاقىپلىندۇرۇش ئۈستىدە بولۇۋاتقان چېغىمدا، ئىبراھىم تەگىن توققۇز تۇغلۇق ① لەشكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ، بارسغاننى ئىسكەنجى ② گە ئېلىۋالدى. ئەلھال، بىزنى ئەل بولۇشقا مەجبۇرلاپ مەيداناق، سالما بىلەن تاش بوران قىلسىمۇ، كۆڭۈللىرى خاتىرجەم بولسۇنلاركى، ئۇلارنى قەلئە دەرۋازىسىغا يولاتمىدۇق. دۈشمەنلەرنى بارسغان قەلئەسىگە زىنھار ئاياغ باستۇرمايمەن. بۈزرۈكۋارىم، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئاغام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دەرھال قوشۇن باشلاپ ياردەمگە كېلىشلىرىدىن ھەر قاچان ئۈمىدۋارمەن. بارسغانغا كەلگەنلىرىدە، باش ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ جەڭ قىلىۋاتقان ئوغۇللىرىغا
① توققۇز تۇغلۇق سىپاھ — ئون تۈمەندىن ئارتۇق لەشكەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ چاغدا ھەرتۇغ كەمىدە تۆت مىڭدىن بىر تۈمەن ئىككى مىڭغىچە لەشكەر بولغان. ② ئىسكەنجى — قورشاش.
نەزەرلىرى چۈشتى. مەن ئاسىلىق قىلىپ قېچىشتىن، تېز پۈكمەي ئاداققىچە جەڭ قىلىپ جەڭگاھتا ئۆلۈشنى شەرەپ بىلىمەن.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن بارسخان ئېلىكخانى بولمىش ئوغۇللىرى بايبەگ تېگىن.
ھىجرىيە 450 - يىلى شەئبان ئېيىنىڭ 25 - كۈنى①، بارسخان»
«ئەتەنگەندىلا بۇ ئىككى خاننىڭ مېنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىشى مۇشۇ مەكتۇپ ئۈچۈن ئىكەن - دە» دەپ ئويلىغان بەگتۈسۈپ:
— ئەمدى قانداق قىلماقچى بولۇشۇۋاتىلا ئارسلانلىرىم؟ — دەپ سورىدى.
ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان مەكتۇپنى قولىغا ئالدى. ئاندىن توغرۇل قاراخانغا بىر قارىۋېتىپ دېدى:
— بىز لەشكەر تارتىپ بارسخانغا بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە سىز قانداق پىكىردە ھاجىپ؟
بەگتۈسۈپ ئۆزىگە ياراشقان قىسقا ساقاللىق ئېڭىكىنى تۇتتى.
— ياخشى ئويلىشىپلا بەگلىرىم، بارسخانغا تولۇق لەشكەر تارتىپ بارغاندا، ئىنال تېگىننىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇلىدۇ. ئىبراھىم تېگىننى مەغلۇپ قىلغىلى بولسىمۇ، ئوردۇكەنتنى ئالماق تەسلىككە چۈشىدۇ.
— نېمە ئۈچۈن؟ — سورىدى توغرۇل قاراخان قويۇق قارا قاشلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھالدا.
— شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەزرەتلىرى، ئىبراھىم تېگىن لەشكىرى كۈچىنىڭ كۆپ قىسمىنى بارسخانغا ئېلىپ كەتكەنچە، ئوردۇكەنتتە قالغان سىپاھلىرى چاغلىق. شۇڭا، بوغرا ئېلىم، لەشكىرى كۈچنى ئۈچكە بۆلۈپ، بىر قىسمىنى
① مىلادىيە 1058 - يىلى 9 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
ئوردۇكەنتكە، بىر قىسمىنى بارسخانغا ماڭدۇرۇپ، بىر قىسمىنى قوزغۇردۇدا قالدۇرساق ئىككى جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ نۇسرەت قازىنىمىز.
— قايسى ئىككى جەھەتتىن؟ — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان سەل جىددىيلىشىپ ئونىڭغا تىكىلدى.
— ئوردۇكەنتتىكى سىپاھلارنىڭ ئازلىقىنى ھەربىيلىرىمىزنىڭ سەمىگە سېلىشىمىدا، ئۇ شەھەر ئەتراپىدىكى ئەھلى بىلىكنىڭ، ئاۋامنىڭ كۆپچىلىكى بۇغراخان بولۇۋالغان ئىبراھىم تېكىنگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچىدىم. مانا بۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىككىنچى نۇقتا. ئىككىنچى نۇقتا، بارسخانغا ئاتلاندۇرۇلغان قوشۇنىمىز تۇيۇقسىز چۈشۈرمەي ئارقا تەرەپتىن ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش شارائىتىغا ئىگە. دېمەك، مانا بۇ ئىككى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قازىنىمىز. گەپ تۇيۇقسىز يېتىپ بېرىپ دۈشمەننى ئالاقزادە قىلىۋېتىشتە. ناۋادا ئىبراھىم تېكىن لەشكەرلىرىمىزنىڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان تەقدىردىمۇ، گاڭگىراپ قېلىپ جاسارىتىنى يوقىتىدۇ. بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، شاھلىرىم.
بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان مەھمۇد توغرۇل قاراخان: «ئاقىۋەت قانداق بولار؟ بارسخاندا ئوغلۇمنىڭ ئاران ئىككى تۈمەن لەشكىرى تۇرسا، ئىبراھىم تېكىننىڭ توققۇز تۈمەنلىك لەشكىرىگە قانداقمۇ تەڭ كېلەلەر؟ تاقابىل تۇرماق تەس» دەپ ئويلىدى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بېشى چۈشۈپ كەتكەن تاغىسىغا بىر قاراپ قويۇپ: «بەگىيۈسۈپنىڭ مەسلىھەتى ناھايىتى ئاقىلانە، قەتئىي نىيەت بىلەن شۇنداق قىلالىساق نۇسرەت قازىنىمىز» دېگەن ئىرا دېگە كەلدى. لېكىن، زۇۋان سۈرمىدى.
ئارامگاھ سارايىغا كۈزنىڭ ئىسسىق ئاپتىپى چۈشكەنىدى، ھەربىر دەرىزە ئالدىغا قويۇلغان شاخچە — شاخچە گۈلداندىكى يامىلارغا ئېچىلغان ئانارگۈل، لەيلىگۈل، تاجىگۈل، رەيھانگۈل،
ئەتەرگۈل، توخۇمگۈل، قوناقگۈللەر يېڭى چىققان كۈن نۇرىدا ئۆزگىچە رەڭ تۈزگەنىدى. تام - تورۇسلاردىكى رەڭگارەڭ نەقىشلەر جولالاپ كەتكەندەك ئىدى. تۆت پەسىل مەنزىرىسى مۆجىزىسەملەنگەن بۇ سارايدا ھەرقانداق پەرىشان كۆڭۈلمۇ ئېچىلىپ قالاتتى. ئەمما، مۇشۇ تاپتا …
ئۆز يۈرەك نىداسىنى تىڭشاپ ئولتۇرغان بەگىيۈسۈپنىڭ نەزىرى ئۈچىنچى دېرىزە ئالدىدىكى كۆركەم گۈلداننىڭ كۈمۈش تىلغۇچىغا ئېسىلغان ئالتۇن قەپەستىكى بۇلبۇلدىن بىرىنچى، ئىككىنچى دېرىزە ئالدىدىكى گۈلدانلارغا ئېسىلغان قەپەسلەردىكى تورغاي، تومۇچۇققا يۆتكەلدى. بۇ گۈزەل قۇشلار ئۆز قوندىقىدا جىم ئولتۇرۇشاتتى. بەلكىم ئۇيقۇدىدۇ. بەلكىم تولا سايرام خامۇش بولۇپ قالغاندۇ؟ ھەتتا ئادەم، قۇش، ھايۋانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا دورايدىغان شاتۇتمۇ قەپەستە تۆگۈلۈۋالغانىدى. ئۇ پۇتلىرىدىن باغلاپ باشقا گۈلدانلارغا قوندۇرۇپ قويۇلغان بۈركۈت، قارچىغا، شۇڭقارلارنىمۇ نەزەردىن ئۆتكۈزدى. گويا قەپەستىكى ھەممە قۇشلار ئۆزۈنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قايغۇرۇۋاتقاندەك غەمكىن ئىدى. ياق - ياق! ئۇ قۇشلار ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ قەپەسلەرگە سولاپ قويۇلغىنى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مەيۈس، ھەسرەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇلار چولپان تۇغقان مەھەللىدە نالە - پەرياد چېكىپ، ھېچبىر ئىنسان بالىسىنىڭ پىسەنتىگە ئالمىغىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ شۈك بولۇپ قېلىشقانىدى. «ئادەم، ياق! ھەممە ئادەم ئەمەس، ئىمتىيازلىق، ھاللىق، دۆلەتمەن شەخسلەر ئەنە شۇ قەپەسلەردىكى قۇشلارنىڭ نالە - پەريادىنى ئاڭلاپ كۆڭۈل ئېچىشىدۇ. مەنۇ ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئەمەس. قۇشلارغا، ئۇلارنىڭ مۇڭلۇق سايرىشىغا خۇشتارمەن. بۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى. ھايات مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجايىپ، غەلىتە، سىرلىق، سۆيۈملۈك…» دەپ ئويلىغان بەگىيۈسۈپ تېخىچە ئۈن چىقماي ئولتۇرۇشقان توغرۇل قاراخان بىلەن ئېبلىكخانغا كۆز
سېلىپ دېدى: — بۇغرالىرىم، ھازىر يانپاشلاپ شېرىن خىيال سۈرىدىغان ۋاقىت ئەمەس. جىددىي بىر قارارغا كېلىپ، تەدبىر، سىياسەت بەلگىلەپ ھەرىكەتلىنىدىغان ۋاقىت. مەكتۇپ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. زادى قانداق قىلماقچى بولۇشۇۋاتىسىلەر؟ — كىشى قارا، جاناپلىرىنىڭ بۇ دېگەنلىرى بەرھەق. مەن شۇنداق قىلىش قارارىغا كەلدىم، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان نەزىرىنى توغرۇل قاراخانغا قاراتتى، — بۈزرۈكۋار، ھاجىپنىڭ دېگەنلىرىدە ئەل ئۈچۈنمۇ، خانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق تەكلىپ بار. قوبۇل كۆرمىكىمىز زۆرۈردۇر. مەھمۇد توغرۇل قاراخان تەختتىن تولىسى ئايرىلىپ قالغان بوم ساقىلىنى تۇتاملاپ بىر نېمە دېمەكچى بولدى — ياق، تامقىنى قىسىپ باش چايدى: — مەن بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ كۆرسەتكەن تەدبىر بىلەن نۇسرەت قازىنىشىمىزغا زادىلا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن، بالام. ئىبراھىم تېكىن توققۇز ئوغۇز توغلۇق لەشكەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن تۇرسا، ھەم ئوردۇكەنتكە ھەم بارسغانغا لەشكەر تارتىپ بارىمىز دېسەك، كۈچىمىز بۆلۈنۈپ كەتمەمدۇ؟ دۈشمەننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چىقىمدار بولۇپ كەتمەمدۇق؟ ھەتتا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولۇشىمىزدىن ئەنسىرەپ قورقۇۋاتىمەن. ھاجىپ بۇنى ئويلاپ كۆردىمىكىن؟ بەگىيۈسۈپ شۈبھىلىك نەزىرى بىلەن قارىغان توغرۇل قاراخانغا ئىشەنچ بىلەن دېدى: — جەڭدە قوشۇننىڭ كۆپلۈكى مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، غەلىبە قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ھەزرەتلىرى. كۆپ جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۆزلىرىدەك ئارسلان بۇنى بىلىدۇلا. كاپالەتلىك قىلىدىغان ئامىل: قوشۇننىڭ كۆپ ئەمەس، سەرخىل بولۇشى؛ سۇباشى، سانغۇنلارنىڭ قورقۇمسىز، تەدبىرلىك، جۈرئەتلىك بولۇشىدۇر، — بەگىيۈسۈپ
سۆزىنى توختىتىپ ئېلىكخانغا قارىۋەردى، ئۇ قوشۇلغان قىياپەتتە باش لىڭشىتتى. توغرۇل قاراخان قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۈن چىقمىدى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى، ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن ئون سەككىز يىل مۇقەددەم، يەنى ھىجرىيە 431 يىلى ماهى رەجەپنىڭ 13 كۈنى ① مەرۋى شاھ جاھان ② غا يۈز چاقىرىم كېلىدىغان دەندانقان دېگەن يەردە، سەلجۇقىيلار سۇلتانى توغرۇلبەگ بىر تۈمەن ئالتە مىڭ ئەسكەر بىلەن غەزنەۋىيلەر سۇلتانى مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ بەش تۈمەندىن ئارتۇق لەشكىرى ۋە ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق جەڭ پىلىدىن تەركىب تاپقان زور قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇپ، شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق مىسلىسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۆھرەتپەرەس، كۆرەڭ، ئىشرەتخۇمار سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋى ئېغىر يارىلىنىپ ئاران قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، كور بولۇپ ئۆلگەن. مۇبادا توغرۇلبەگ مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ شۇنچە كۆپ ئەسكەر، پىللىرىدىن قورقۇپ چېكىنگەن بولسا، ئۆزى ئامان قالمايلا قالماستىن، دۆلىتى مۇنقەرز، خەلقى قۇل بولۇپ، تارىختا ئۇنىڭ قاچقۇن دېگەن نامى قالاتتى، خالاس. ئۇ قورقماي ئاز لەشكىرى كۈچى ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، تارىختا غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. دېمەكچىمەنكى، ھەقىقەت شۇنداق ئىكەن، غەلىبە قىلىشقا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالمايمىز؟ غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچ قىلالماسلىق مەغلۇپ بولۇشقا رازى بولغانلىقتۇر. بۇنداق ئۈمىدسىزلىك بىلەن جەڭ قىلغاندىن كۆرە، ساداقنى بوينىمىزغا ئېسىپ ئىبراھىم تېگىنگە ئەل بولساق جاننى ساقلاپ قالاممىدۇق؟ بەگىسۈپ پېش قىپىپ چىقىپ كەتكۈچى بولدى ياق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان يەردە سۆزىنى توختاتتى.
① مىلادىيە 1040 يىلى 5 ، 6 ئايلارغا توغرا كېلىدۇ. ② مەرۋى شاھ جاھان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر شەھەر.
ئېلزادەبەگ لېۋىنى چىشلەپ ئۈن چىقارمىدى.
بەگىيۈسۈپنىڭ دەندانقان جېڭىنى ئېغىزىغا ئېلىشى مەھمۇد توغرۇل قاراخاننىڭ پىكىرىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلىدى.
— ھاجىپ ئىنىم توغرا دېدىڭىز. مۇلاھىزىڭىزنى ئاڭلاپ، مەرھۇم بوۋىمىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، جۈرئەت كەمىرىدە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئازغىنا ئادەمى بىلەن كاتتا پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىرىشكە تەۋەككۈل قىلىپ، نۇسرەت قازانغانلىقى ئېسىمگە چۈشتى. مەن ناھايىتى چولتا ئويلاپتىمەن. قوپال تېگىپ قويغىنىمغا ئەپسۇسلىنىپ قالدىم، كەچۈرۈڭ.
— ئانداق دېمىسىلە، قاراخان ھەزرەتلىرى. بۇ سىلىنىڭ چولتا ئويلىغانلىرى بولماستىن، بەلكى ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلگەنلىكلىرىدۇر. ئۆزلىرى بۇ پىكىرىمدىن گۇمانلانمىسىلا ئىككى تۈمەن لەشكەر ئېلىپ ئاتلىنىشلىرىنى تەلەپ قىلىمەن، — دېدى ئونىڭ جەمەتلىك قىلىپ تۇرۇۋالمىغىنىدىن خۇرسەن بولغان بەگىيۈسۈپ.
— ئوردۇكەنتكىمۇ، بارسغانغىمۇ؟ — توغرۇل قاراخان ئاۋۋال بەگىيۈسۈپكە، ئاندىن ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخانغا قارىدى.
— ئەلۋەتتە، بارسغانغا، يوغرىش بېشى ئالىپ ئورخونبەگ سۇبېشى بولۇپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارىدۇ، — دېدى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان تەمكىن ھالدا، — مەن ئىككى تۈمەن لەشكەر بىلەن ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىمەن.
— بالام، ئۆزلىرىنىڭ لەشكەرلىرىگە كىم سۇبېشى بولىدۇ؟
— سۇبېشى ئېلزادەبەگ بولىدۇ، قاراخان ئاتا.
توغرۇل قاراخان خىيالچان ئولتۇرغان ئېلزادەبەگكە كۆز سېلىپ دېدى:
— ئېلزادەبەگ بەك ياشقۇ بالام؟
— ئېلزادەبەگ ياش بولغان بىلەن قەيسەر، جۈرئەتلىك،
سىناقتىن ئۆتكەن سانغۇن. شۇنداق ئەمەسمۇ بەگىيۈسۈپ؟ ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان نەزىرىنى بەگىيۈسۈپكە يۆتكىدى. ئېلىكخان ئالىيلىرى سۇباشىنى توغرا تاللاپتۇ، قاراخان ھەزرەتلىرى. ئالىپ ئېلىزادەگ قورقۇمسىز، يۈرەكلىك، بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىلىملىك، چارە تەدبىرلىك، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان سانغۇن، بەگىيۈسۈپ سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ ئۈن چىقماي ئولتۇرغان كۈيۈئوغلىغا قاراپ قويۇپ سورىدى، ئالىيلىرى، قارىغاندا قۇزئوردۇغا نائىب ئېلىكخان بولۇپ قالىدىغان ئىز باسارنى، بارسىغانغا بارىدىغان سانغۇنلارنى كۆڭۈللىرىدە بەلگىلەپ بولۇپلا دە. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخاننىڭ خىيالچان چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى. بۇ خۇشاللىق تەبەسسۇمى بولماستىن، ئىشەنچ ۋە ئۈمىدتىن تۇغۇلغان تەبەسسۇم ئىدى. ئەلۋەتتە، بۈگۈن ئۆزلەرنى چاقىرتىشىمدا، بۇ ھەقتىكى تەكلىپ، مەسلىھەتلىرىنى ئالماقچىدىم، ئۇ سۆزدىن توختاپ، ئۆزىگە تىكىلىپ ئولتۇرغان تاغىسىغا جىددىي نەزەر تاشلىدى، تېخى بۇ توغرۇلۇق ھۆرمەتلىك قاراخان ئاتام بىلەنمۇ سۆزلەشكۈدەك بولمىدىم. مانا بۈگۈن تەڭرى بۇ يەرگە جەم قىلغانىكەن، ئەلۋەتتە، پىكىرلىشىشەك بولىدۇ. مېنىڭ نائىب ئېلىكخانلىققا ئوغلۇم ئەبۇ ئەھمەد چاغرى تېكىننى تەيىنلەش ئويۇم بار. مەگەر كىم قاراخان ئاتام قوشۇلسا. قوشۇلىمەن. ئەھمەد چاغرى تېكىن بەگىيۈسۈپنىڭ تەربىيىلىشىدە ياش بۈگۈ بىلگە بولۇپ يېتىشىپتۇ. كەمتەر، ئېغىر بېسىق، ئادالەتپەرۋەر ئىكەن. قوشۇلىمەن، بالام قوشۇلىمەن. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان «سىزچۇ؟» دېگەن مەنىدە بەگىيۈسۈپكە قارىدى. ئەبۇ ئەھمەد چاغرى تېكىن «بۇغراخان» مەدرىسىنى «ئەلىيۇلئەلا» نەتىجىسى بىلەن پۈتكۈزگەن ياش بوغۇغ. ئۇنىڭ
ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئۈستۈن، شۇنداقلا ماھىر چېۋەنداز. بۇنداق قابىلىيەتنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش مەن - مەن دېگەن كىشىلەرگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ، لېكىن…
— لېكىن نېمە؟ ئۇ ئېبلىكخان بولۇشقا نالايلىقمۇ؟ — ئېبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان چۆچۈگەن تەرزدە سورىدى.
— نالايلىق دېمەكچى ئەمەسمەن، ئالىيلىرى، ئەمما ئادەم - بەندە ئىكەن، نۇقسان، ئىللەتتىن خالىي بولالمايدۇ. نۇقسانسىز، ئىللەتسىز ياراتقۇچىمىز ئاللاھدۇر. ئېبۇ ئەھمەد چاغرى تېكىن تېكىن، ئېغىر - بېسىقلىق قىلغان بىلەن، ئاچچىقى تۇتقاندا ھېچ نەرسە كۆزىگە كۆرۈنمەي قالىدۇ. ھەر قانداق پادىشاھ، يا ئۇنداق، ياكى بۇنداق نۇقساندىن خالىي بولغان ئەمەس. چاغرى تېكىننىڭ نۇقسانلىرىدىن ئارتۇقچىلىقى كۆپ. نائىب ئېبلىكخان بولسا، بۇ ئالىي خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ. ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان، مەسلىھەت بېرىدىغان بىر يۆگرۈش بېشى كېرەك.
— سىز ئوغلۇمنى مەندىنمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىكەنسىز، ھاجىپ. سىزنىڭچە كىمنى ئۇنىڭغا يۆگرۈش بېشى قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟
— كۆزىتىشىمچە، ئوردىدا ياساۋۇللار ئەمىرى ئالىپ بۆرىبەگ ساداقەتمەن سانغۇن. ئاتام ئېچىدىمۇ ئابرۇيى ئۈستۈن، يۆگرۈش بېشى بولسا، شاھزادەنىڭ خىزمىتىنى ئادا قىلالايدۇ ھەم ياخشى مەسلىھەتچى بولالايدۇ…
— ھاجىپ ئىنىم، ئالىپ بۆرىبەگنى چاپاۋۇل قىسمىنىڭ باشى قىلىپ بارسغانغا ئەۋەتىپ كەتتى دېۋىدىم، — توغرۇل قاراخان ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، — مېنىڭ بارسغانغا ئەۋەتىپ كەلگەن قىسىملىرىمنى ئوغلۇم پەرغانىگە قايتۇرۇپتۇ. ئىبراھىم تېكىننىڭ باستۇرۇپ كېلىشىنى بىلگەن بولسا، قايتۇرماي تۇرغان بولاتتى. بارسغانغا لەشكەر بىلەنلا ئەمەس، باھادىر، تەدبىرلىك سۇباشى، سانغۇنلار بىلەن بېرىشىم زۆرۈر. بۇنىڭغا سەل قارىسام
زىيان تارتىپ قالىمەن. چۈنكى، ئىبراھىم تېگىن نۇرغۇن لەشكەر بىلەن تەھدىت سېلىۋېتىپتۇ.
— قاراخان ھەزرەتلىرى، تەلەپلىرى ئورۇنسىز ئەمەس. يېگەر بايبەگ ئىقبال تېگىننىڭ پاراسىتىگە، غەيرەت — جاسارىتىگە قايىل ئىكەنلىكىم سەۋەبلىك، ئالىپ ئورخۇنبەگ سۇباشى بولۇپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىبەگنى قوزغۇردۇدا قالدۇرۇش لازىم، دەپ قارىغانىدىم. ھەزرەتلىرىنىڭ تىلىپى شۇ بولسا، ئېلىكخان ئالىيلىرىنىڭ قوشۇلۇشىنى ئۆتۈنىمەن، — بەگىيۈسۈپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا قاراپ ھۆرمەت بىلەن بېشىنى ئەگدى.
— توغرۇل قاراخان ئاتامنىڭ تەلەپىنى بەجا كەلتۈرۈش مەن ئۈچۈن شەرەپ، ھاجىپ. مەن يەنە قابىل نۆكەر باشلىرىدىن ئەر ئاتان، ئارسلانبەگلەرنىمۇ بىللە يولغا سالماقچىمەن، — دېدى ئېلىكخان.
«ئاشان بوۋا بۇ ئىككى نەۋرىسىدىن ئايرىلىشقا ماقۇل بولارمىكىن؟ ئۇ ئەزىمەت بوۋاي ئىدى. خېلى بولدى يېنىغا بارالمىدىم. بۈگۈن كېچە ھال سوراپ كەلسەم بولغۇدەك…»
— بارىكاللا، ئارسلانخان بالام. ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن ھاجىپ. مەن غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئاتلىنىدىغان بولدۇم، — مەھمۇد توغرۇل قاراخان خۇرسەن بولغىنىدىن بەگىيۈسۈپنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى، — مەن يەنە يوغۇرۇش باشلىقتىن قالدۇرۇلغان قۇتلۇقبەگنىمۇ ئېلىپ كېتەي. جەڭگاھنى كۆرۈپ، ئەقىلگە جاسارەت قوشۇلسا، خىزمەت كۆرسىتىپ ياراملىق يوغۇرۇشلاردىن بولۇپ قالارمىكىن دەيمەن. ئۇ ماڭا نېمە ئۈچۈندۇر يېقىپ قالدى.
— ماقۇل، قۇتلۇقبەگنىمۇ سىزگە تاپشۇردۇم، قاراخان ئاتا. مەسلىھەت پىشتى، پېشىن نامازدىن كېيىن دىۋانى ئارىزدە
ھاجىپلار كېڭىشىنى ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئوردۇكەنت ھەم بارسخانغا بارىدىغان يۇغرۇش، سۇبېشى، سەرگەردىلەرنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزىمىز، دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئۇلارنى چۈشلۈك تاماMemoقا تەكلىپ قىلىپ.
كېڭەشتە، بەگىيۈسۈپ، قاراخان ۋە ئېلىكخانلار مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن يۇغرۇش بېشى، سۇبېشى سەرگەردىلەر ماقۇللاندى. ئۇلارغا ئامانلىق، نۇسرەت تىلەپ دۇئا قىلىندى.
بەگىيۈسۈپ ئاغام قوزئوردۇدا قالامدۇ، ئاتا؟ دەپ سورىدى نائىب ئېلىكخان بولغان ئەبۇ ئەھمەد چاغرى تېگىن. ئۇنىڭ بېشىدا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن تاجغا ئاتىسىنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشكەنىدى.
ياق، ئوغلۇم. بەگىيۈسۈپ مەن بىلەن ئوردۇكەنتكە بارىدۇ. بۇ بىزنى غەلىبىگە يېتەكلەيدۇ. لەشكەر بولغان بىلەن پاراسەتلىك، قابىل يېتەكچى بولمىسا نۇسرەت قازانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى بەگتۈرمىش ساڭا دەستىيار بولۇپ قالىدۇ.
چۈشەندىم، ئاتا، چاغرى تېگىن ئاۋۋال ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا، ئاندىن بەگىيۈسۈپكە باش ئەگتى.
ئاپتاپ ئېلىكخان سارىيىنىڭ شەرقىي تېمىدىن غەربىي تېمىغا يۆتكەلگەنىدى. بەگىيۈسۈپ ئېلىكخان ۋە ئۆمەر ئەركانلار بىلەن خوشلىشىپ ئېلىزادەگ بىلەن بىللە ئوردىدىن چىقتى.
4
«تەڭرىنىڭ بىز بەندىلىرىنى ئەقىللىك قىلىپ يارىتىشىدا، مېھر كۆيۈم بىلەن گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما، شۇنداق رەزىل، قارا كۆڭۈل ئەقىل ئىگىلىرى باركى، ئۇلار ھامان دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى كولايدۇ ۋە ئۇنى غۇلىتىپ جەمئىيەتنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىشنى
قەستلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق بايلىق، ھوقۇقنى ئىگىلەش كويىدا غالجىرلىشىدۇ. مەرھۇم سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئۆلۈمى غالجىرلاشقان مەلونلارنىڭ قۇتۇرىشى بىلەن يۈز بەرگەن پاجىئەدۇر. ھالبۇكى، دۇنيانى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈۋرۈك بىر ئەمەس، كۆپ. بىرى يىقىلسا بىرى تىكلىنىدۇ. يامان نىيەت غالجىرلار ئاشكارىلىنىپ تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ…» دەپ ئويلىدى بەگىيۈسۈپ سۇلتانبەگنىڭ ئالدىدا كېتىۋېتىپ. ئۇنىڭ كۆڭلىگە يەنە بۇ ئوي كەلدى: «تەڭرى جازالىماقچى بولغان گۇناھكار بەندىلىرىنى ئۆزى ھەق يولغا باشلىغان غالىب بەندىلىرى ئارقىلىق جازالايدۇ. بىز يەنە قانداق سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز؟» بۇ سوئال بەگىيۈسۈپنى يەنە غەم دېڭىزىغا غەرق قىلىۋەتتى. «بۇ نۆۋەت جەڭ ناھايىتى شىددەتلىك بولىدۇ، كۆپ قان تۆكۈلىدۇ…» كۆڭلىدىن كۆچكەن بۇ ئوي بىلەن ئېلىكخاننىڭ: «ئوردۇكەنتكە مەن بىلەن بىللە بارىدۇ» دېگەن سۆزىگە «ياق» ياكى «ماقۇل» دېمەيلا خوشلىشىپ ماڭغىنىدا، ئۇرۇش تۆپىلى جەبىر - جاپاغا قالىدىغان، زىيان - زەخمەتكە ئۇچرايدىغان خەلققە ئىچى ئاغرىپ، ئاغزىغا سۆز كەلمەي قالغانىدى…
گۆزەرگە كەلگەندە بەگىيۈسۈپ ئاتتىن چۈشتى. بىر تەلەپكە گۆشگىردە ئالدى.
— تەلەپگىنى مانا بۇ ئوغلوم ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئۇستام، — دېدى ئۇ سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ نامى ئويۇلغان تەڭگە پۇلنى سۇنۇپ.
— جانابلىرىدىن پۇل ئالساق قانداق بولىدۇ. ئېلىپ كېتىۋېرىشسە ھەزرەتلىرى، — ساقاللىرى ئاقىرىشقا باشلىغان ناۋاي ئۇستا تەزىم قىلدى.
— ئالمىسىلا بۇ گۆشگىردە بىزگە ھالال بولمايدۇ، — بەگىيۈسۈپ تەڭگە پۇلنى بېرىپ ئاتقا مىندى. ئۇ تۆت كوچا ئېغىزىدىن بوستانكۆل مەھەللىسىگە بارىدىغان مەشرىق
كوچىسىغا ئارغىماقنى بۇرۇردى، كۆڭلۈكنى يىغىشتۇرۇپ، تەلەپكەننى چىڭ تۇتۇۋالغان بالام.
ماقۇل كىشى قارا، قەيەرگە بارىمىز؟ دەپ سورىدى بەگبۇقا مەھەللىسىگە بارىدىغان مەغرىب كوچىسىغا ماڭماقچى بولغان سۇلتانبەگ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ.
ئاشان بوۋامنىڭ ئۆيىگە، ھە، قانداق؟ يا بېرىشىمنى خالىمامسەن يىگىت؟ ھەزل قىلىپ كۈلۈمسىرىدى بەگىيۈسۈپ.
بۇ كۈلۈمسىرىشتە ھەم ئاتىلىق مېھرى مۇھەببەت ھەم ئۇستازلىق تەلەپ بار ئىدى. ئەھمىيەتلىك كېپىل يوق ئىدى.
سۇلتانبەگ ئۆزىنى بالىسىدەك كۆرىدىغان بۇ ئۇستازىدىن ئانچە تارتىنمايتتى. كۆڭلىگە كەلگەن، چۈشەنمىگەن، بىلەلمىگەننى سوراۋېرەتتى. بەگىيۈسۈپمۇ بۇ ئاق كۆڭۈل شاگىرتنىڭ تۈزلۈكى، ساددىلىقىدىن مەمنۇن ئىدى. شۇ تاپتا ھاجىپ ئۇستازىنىڭ ئۆز ئۆيىگە بارىدىغانلىقىدىن سۆيۈنگەن يىگىت كۆڭلۈكنى ئونىڭ بېشىغا تۇتقان ھالدا، سوۋۇشۇپ كېتىۋاتاتتى. كۆزلىرىدەك ئاتلىرىمۇ بىر بىرىگە ئېجىل بولۇپ كەتكەنىدى.
ئاتام تازا خۇشال بولىدىغان بولدى، كىشى قارا، دېدى خۇشلۇقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان سۇلتانبەگ قارا كۆزلىرى چاقناپ.
مەنمۇ بولغاندا بالام، ھەر كۈنى بېرىپ ئاشان بوۋايغا سالام بەركۈم، دۇئاسىنى ئالغۇم بار. كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاقىت چىقىرالمايمەن. ئەمدى ئەتەگىنىكى پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. ئېسىڭدىمۇ، نېمە دېيىشىۋاتاتتۇق؟ بەگىيۈسۈپ يورغىغا چۈشۈپ ئېتتىكلەپ كەتكەن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتتى.
ئېسىمدە، كىشى قارا. «ئالدىمىزدا ناھايىتى مۈشكۈل، شىددەتلىك جەڭ بار. قاتنىشىشنى خالامسەن؟» دېگەندىڭىز.
— سەن نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنىدىڭ؟ — خالايىمەن، دەپ جاۋاب بەرگەنىدەم. ئوردىغا كېلىپ قېلىپ پارىڭىمىز ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. — ئېسىڭدە بار ئىكەن، بالام. نېمىشقا جەك بولىدۇ، دەپ سورىمايسەنغۇ؟ — بەگىيۈسۈپنىڭ ئويچان چېھرىدە غىل — پال كۈلكە پەيدا بولدى. — سوراي دېگۈچە ئوردىغا كىرىپ كەتتۇق، كىشى قارا. كۆڭلۈمگە نېمىشقا ئۇرۇش بولىدىغاندۇ، قايسى ئەل بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغاندىمىز؟ دېگەن سوئاللار كەلگەن. لېكىن، بۇ بىر مەخپىيەتلىك. بولۇپمۇ پېقىردەك بىر نەقىرانىڭ بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلىشىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ، دەپ قاراپ سورىمىغانىدىم. — ھوشيار يىگىت، توغرا ئويلاپسەن، — بەگىيۈسۈپ قامچىسى بىلەن ئاتنىڭ يەلكىسىگە ئۇرۇپ قويدى، — بولۇۋاتقان ئۇرۇش مەخپىي بولمىسىمۇ، قارار قىلىنغان، تېخى يۈز بەرمىگەن ئۇرۇش — پادىشاھنىڭ، مەملىكەتنىڭ، شۇنداقلا يوغۇچى — ھاجىپلارنىڭ مەخپىيىتى. بۇ مەخپىيەتلىكنى چىڭ ساقلاش پادىشاھتىن تارتىپ پۇقرىغىچە بارچە خەلقنىڭ بۇرچى. ئاسىي — مۇناپىقلارلا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ ساتقۇنلۇق قىلىدۇ. — مۇناپىق بولۇشنى ئۆزۈمگە مەڭگۈ راۋا كۆرمەيمەن، كىشى قارا. ئۆلسەممۇ خانلىق مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىمايمەن، — دەرھال ئىپادە بىلدۈردى سۇلتانبەك. ئېتى بىردىن چاپچىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئىختىيارسىز قامچىسىنى كۆتۈرگەنىدى. بەگىيۈسۈپ ئېتىنى ئىتتىكلىتىپ ئۇنىڭغا يېتىشۋالدى. — يارايسەن، بوغرام! — دەۋەتتى ئۇ سۇلتانبەكنىڭ قەيسىرانە روھىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، — غۇرۇرلۇق ئادەملا ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. بېشىغا ھەر قانداق ئېغىر كۈن كەلسىمۇ ئاسىيلىق قىلمايدۇ. بۇ قېتىم ئېلىكخانىمىز باشقا ئەل بىلەن ئۇرۇشمايدۇ. ئېلىمىز ئىچىدە ئاسىيلىق بىلەن سادىقلىققا
ۋەكىللىك قىلغۇچى قارا نىيەتلەر بىلەن ھەققانىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك جەڭ بولىدۇ. — قەيەردە بۈزرۈكۋار؟ — ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن سورىدى سۇلتانبەگ. — بۇ ھازىر مەخپىي، بالام. جەڭگاھقا بارغىنىڭدا بىلىسەن. — ئەلۋەتتە، جەڭگاھتا سىناقلاردىن ئۆتۈپ باققۇم بار، كىشى قارا. ئىشەنچلىرىڭگە زىنھار داغ چۈشۈرمەيمەن. ئۆزلىرىمۇ بارىدىغانلا؟ — ھەققانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن بېرىش قارارىغا كەلدىم، بالام. سېنىڭ ئىككى ئاكاڭمۇ بارىدۇ. — قايسى ئاكىلىرىم؟ — ئەرتاتان بىلەن ئارسلان. — مېنىڭ ئالىپ ئاكىلىرىم ئىكەنغۇ، كىشى قارا. ۋاھ! ئەجەب ياخشى، — سۇلتانبەگ ئېگىردىن بىر كۆتۈرۈلۈپ ئولتۇردى. — بۈگۈن ئاشان بوۋاينى خەۋەرلەندۈرۈپ، ماقۇللۇقىنى ئالماقچىمەن، بالام. سەن كېنجى ئوغلى، ساڭا قىيماسمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن. — ئاتام ماقۇل دېمىسىمۇ، ئۆزلىرى بىلەن كېتىۋېرىمەن، كىشى قارا. ھەققانىيەت ئۈچۈن قارانىيەتلەر بىلەن جەڭگاھتا ئېلىشىشنى شەرەپلىك بۇرچۇم، دەپ بىلىمەن. ئىلاج بار ئاتامنى قايىل قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. — قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن. ئۇ تېرسامەس، گەپ ئۇقىدىغان رايىش ئادەم. پاداشاھنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. خانلىقنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ قورقاق ئەمەس، غەيۇر پالۋان. جەڭگاھتا تاۋلانغان، جەڭدىن قورقمايدۇ. ئۇ نادان ئەمەس، ئۆزىنى بىلگەن غۇرۇرلۇق، نومۇسچان ئەزىمەت. ئۇ ئۆز پاداشاھىغا، ۋەتىنىگە سادىق بولۇپ زور بايلىققا ئېرىشتى. ۋەتىنى، پاداشاھنىڭ تىنچ — ئامانلىقى، ھەققانىيەت ئۈچۈن ھەممە
بايىلىقىدىن كېچەلەيدۇ. شۇنداقلا بالىلىرىدىن، ئۆز جېنىدىنمۇ كېچەلەيدۇ. سەن ئاتاڭنى چۈشەنمەمسەن، بالام؟ بەگىيۈسۈپ ئېيتىنى تېخىمۇ ئاستىلاتتى.
مەن پەقەت ئاتامنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، بالىلىرىغا كۆيۈمچان غەمگۈزار ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن، كىشى قارا، سۇلتانبەگ تىزگىننى تارتىپ تارتىپ قويدى.
سەن ئەقىللىك بولۇپلا قالماي، ئاتاڭدەك ساداقەتمەن، جاسارەتلىك ئادەم بولۇشۇڭ كېرەك. ئۇ يۈز نەچچە يىللىق ئۇزاق ھايات مۇساپىسىدە ئائىلىسىگە، ۋەتىنىگە، پادىشاھىغا سادىق بولۇپ كەلدى، بەگىيۈسۈپ ئاشانچۇقاننىڭ بىر قولدىن كاتتا زېمىندارغا ئايلىنىش جەريانىنى، ئەمگەكچانلىقى، تىرىشچانلىقى بىلەن زور ئابرۇي قازانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
مەن ئاتامنى بۈگۈن يېڭىدىن چۈشەندىم، كىشى قارا. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ھۆرمىتىم نەچچە ھەسسە كۆپەيدى.
بۈگۈنكى پارىڭىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، بالام. ئۆيگە بارغاندا ئاتاڭنى تېخىمۇ چۈشەنسەن، بەگىيۈسۈپ قامچىسىنى كۆتۈردى.
سۇلتانبەگ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغاندىن بېرى مانا شۇنداق يېقىن يىراق يول ئۈستىدە پارىڭىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ پاراڭ يۇرت ۋەتەن ھەققىدە، ئەجدادلار توغرىسىدا، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ئارزۇ ئارمانلىرى ھەققىدە، ئالىم، ئەدىب، قەھرىمانلارنىڭ ھاياتى توغرىسىدا، بىلىم ئىگىلەش، ئىرادە تىكلەش، تەجرىبە تونۇش ھەققىدە، ئومۇمەن، ھاياتنى قەدىرلەش، پىداكارانە روھنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا بولاتتى. بۇ «پاراڭ» بولماستىن، «دەرس» ئىدى. كۆنسېرى زېھنى، پىكرى ئېچىلىپ، كۈچ قۇۋۋەتكە تولۇۋاتقان بۇ ھارماس يىگىت ئەتەنگەن كەچتە يەنە بىر بۆلەك تەنتوشلىرى بىلەن پەلسەپە، ئىلمىي نۇجۇم، ئالگېبرانى ئۆگىنەتتى. ئۆزى قىزىققان كىتابلارنى بەگىيۈسۈپتىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتى. ئوردىدىكى
ۋاقتىدا نۆكەر، ياساۋۇللار بىلەن جەڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلاتتى. چۈشتىن كېيىن بەگىيۈسۈپ قايسى مەدرىسىدە دەرس ئۆتسە بىللە بېرىپ دەرس ئاڭلايتتى. مۇھاكىمە، مۇنازىرىگە قاتنىشاتتى. كەچقۇرۇن ئۆيىگە قايتىپ ئاتا - ئانىسىنى شۇ كۈنى قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەردار قىلاتتى، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەيتتى.
«بۇزرۇكۋارنىڭ ئۆيگە بارغاندا ئاتاڭنى تېخىمۇ چۈشىنىسەن، دېگىنىگە قارىغاندا، مېنىڭ چۈشىنىشىم تېخى يۈزە ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالغان سۇلتانبەگ ئىككى قاناتلىق ئەگمە ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئاشانبوۋانى كۆردى ۋە بەگىيۈسۈپ بىلەن تەڭلا ئاتتىن چۈشتى - دە، ئىككى ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بوۋا! گۈلزارلىق ماكاندا خوشال ئارام ئېلىۋاتاملا؟ — بەگىيۈسۈپ ئىتتىك كېلىپ غۇلاچ يايغان بوۋاينى قۇچاقلىدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بەگىيۈسۈپ بالام، ئەلھەمدۇلىللا. تەڭرىدىن مىننەتدارمەن، — بوۋاي ئۇنى قويۇق تېمىي باغرىغا بېسىپ تۇردى.
— ئۆي ئىچى خاتىرجەم، بالىلار، نەۋرىلەر، تۇغقانلار ئامان - ئېسەنمۇ؟
— ئەلھەمدۇلىللا، ئەلھەمدۇلىللا. قەلبىم ئازات، تەنتىم مۇستەھكەم، پۇقرالارىم ئامان. سورايدىغان دەۋالارمۇ كۆپ غوجام بالام. ھەممە پۇشتۇم — بالىۋاقىلىرىم ھۆكۈمىدىن، ئادالىتىمدىن رازى. ھا - ھا - ھا…
بەگىيۈسۈپ ئاپپاق ساقىلى كۆكسىدە يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاشانبوۋانىڭ بۇ ھەزىلدىن زوقلانغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ قورۇ ئىشىكىدىن كىردى.
كەڭ - كۇشادە ھويلا سەيناسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر مۇنچە ياش يىگىت ئۆسمۈرلەر قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق قىلىۋاتاتتى. سول تەرەپتىكى بېدىش ئاستىدا تۇرۇشقان نۆۋەتچى قىزلار تام
تۆۋەندىكى باراقسان چىنار دەرىخىگە قارىتىپ، يادىن ئوق ئۈزۈۋاتاتتى. ئوق تېگىپ بەرگىدىن ئۈزۈلگەن يوپراقلار يەرگە پىلپىلداپ چۈشمەكتە. پېشايۋان سۇپىسى ئالدىدا «قارا - قارا قۇشلارىم» ئويۇنىنى ئويناۋاتقان بالىلار بەگىيۈسۈپ كىرىشى بىلەن تەڭلا قاتار تىزىلىپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىشتى. باغ ئىچىدىنمۇ بالىلارنىڭ ۋاڭ - چۇڭى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
بەگىيۈسۈپ ئاشانبۇقانىڭ بۇ نەۋرە - چېۋىرىلىرى بىلەن تىنچلىق - ئامانلىق سورىشىپ ساراي ئۆيگە كىرىپ تۆردىن ئورۇن ئالدى. ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە مانا شۇنداق قاينام - تاشقىن مەنزىرىنى كۆرۈپ روھلىناتتى. ئاشانبۇقا:
— سۇلتانبەگ بالام ئۆزلىرىنى خاپا قىلىپ قويىمىغاندۇ — ھە! ئوغۇللىرىمنىڭ كىچىكى بولغاچقا ئەركىرەك بولۇپ قالغانىدى، — دېدى كېلىنلەر ئېلىپ كىرگەن مەزە - گۆشەلەرنى داستىخانغا قويۇپ.
— يوقسۇ، بوۋا. بۇ يىگىت ئۆزلىرىنى دورىغان ئىكەن. شۇنداق خۇشخۇي، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، ھەممىشە بىلىم ئۆگىنىشكە ئىنتىلىپلا تۇرىدۇ.
— ئۈمىدىمنى يەردە قويمىغان بالىنى ئۆيۈمگە يولاتمايمەن دېسەلا، بەگىيۈسۈپ غوجام، — ئاشانبۇقا نەزىرىنى قول باغلاپ پەگاھتا تۇرغان ئوغلىغا قاراتتى، — ھەم غوجاڭ ھەم ئۇستازىڭ بولغان بۈگۈ بىلگە بۇغۇغ①نىڭ سۆزلىرىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت بالام. گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ قېنى ئولتۇرۇپ جاۋاب بەر.
سۇلتانبەگ قوللىرىنى كۆكىرىكىدىن چۈشۈرمەي كېلىپ كۆرپىنىڭ بىر چېتىگە يۆكۈندى:
— ئاڭلىدىم ئاتا، ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.
— سېنى ئىچىمدىن چىقىرىپ بەگىيۈسۈپ غوجامغا
① بۈگۈ بىلگە بۇغۇغ — دانىشمەن ئالىم، مۇتەپەككۇر دېگەن مەنىدە.
بېرىۋەتكەن. قەيەردە بولسا، شۇ يەردە بولۇشۇڭ لازىمكى، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خالىغان يەرگە كېتىپ قېلىشىڭغا ياكى قېشىمغا كېلىۋېلىشىڭغا ئىجازەت بەرمەيمەن! دېدى ئاشانبۇقا زەردە بىلەن.
كىشى قارىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايمەن، ئاتا. يولدىمۇ بىللە بولىمەن، جەڭگىمۇ بىللە كىرىمەن. بۇ مېنىڭ ئىرادەم. ئۆزلىرىگە بېرىدىغان ۋەدەم، سۇلتانبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ تۆكۈلگەن مۇشتۇملىرىنى مەيدىسىگە قويدى.
ئاشانبۇقا سەل سۆرۈلۈپ، ئېگىلىپ بەرگەن ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى.
ساڭا مەرھۇم ئاكاڭ بويانقار توغرۇلۇق كۆپ قېتىم سۆزلەپ بەرگەندىم. ئۇ ماڭغان تۇيۇق يولغا زىنھار قەدەم قويۇپ قالما. بولامدو بوغرام؟
زىنھار، مېنىڭ قەدىمىم كىشى قارىنىڭ ئۆچمەس ئىزىنى باسىدۇ. خاتىرجەم بولغايلا ئاتا!
مېنى خاتىرجەم قىلىدىغان چىرايلىق سۆزۈڭ ئەمەس، ھەرىكىتىڭ، ئەمەلىڭ، ئوغلۇم.
ئەمەلى بىلەن سۆزى ئوخشىمايدىغان يۈزسىز مۇناپىق بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىمەن، ئاتا.
ئاشانبۇقا سۇلتانبەگنىڭ قولىدىن تارتىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ئۆسكىلەڭ قاشلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان كۆزلىرىدە ياش لىقىلدىدى.
ئاتا بالىنىڭ سۆزلىرىگە ھەۋەسلىنىپ، ھاياجانلانغان بەگىيۈسۈپ، «ئەمدى سورىسام بولغۇدەك» دەپ ئېغىز ئاچتى.
سۇلتانبەگنى يىراققا ئېلىپ كەتسەم راستىن قىياملا بولا؟
ئۆزلىرى بىللە بارسا نېمىشقا قىيىمغۇدەكمەن غوجام؟
جەڭگە بارسىمۇ قىيامدۇلا بوۋا؟ بەگىيۈسۈپ
ئىچكىرىلەپ سورىدى. — ئەگەر ئېلىمىزگە باستۇرۇپ كىرگەن ياۋغا قارشى جەڭگە بارماقچى بولسا، بىر ئەمەس، يۈز بالام بولسىمۇ، ھەممىسىنى ئاتلاندۇرىمەن. نۇسرەت بىلەن دۇئا قىلىپ ئۇزىتىمەن. قارىغاندا جەڭ بولىدىغان ئوخشىمامدۇ، بەگىيۈسۈپ بالام؟ — بوۋاي ساقىلىنى سىقىملاپ سورىدى. بەگىيۈسۈپ بېشىنى لىڭشىتتى: — پات ئارىدا ئاتلانماقچى بولۇۋاتىمىز. — يول قاياققا، شەرققىمۇ، غەربكىمۇ؟ — شەرققە. — قىتانلار يەنە ئېلىمىزگە بېسىپ كىرگەن ئوخشىمامدۇ؟ — ياق، قىتانلار ئەمەس، بوۋا. قارا نىيەت سويقەستچى ئاسىيلار خانلىقىمىزنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خانلىقىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ… — دېدى بەگىيۈسۈپ ۋە قۇماربەك، بوزاغۇللارنىڭ ئىبراھىم تېكىننى بۇغراخانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. — شاھىنشاھىمىز سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد ئارسلانخان، ھۈسەيىن ئارسلانخانلارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولغىنى يەتمەسمىدى؟ ئاقبىلەك خېنىم، قۇمبا خېنىملارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنى جازالاش، ئۆلارنىڭ تەختنى تارتىۋېلىشىغا يول قويماسلىق، خەلقنىڭ تىنچ — ئامان تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، سۇلتانبەگ بالامىلا ئەمەس، يەنە ئون ئوغلۇم، ئون توققۇز نەۋرەمنىمۇ قوراللاندۇرۇپ، جەڭگە ئاتلاندۇرىمەن. يېنىمدا بىر ئوغلۇم، كىچىك نەۋرە — ئەۋرىلىرىم قالسا كۇپايە قىلىدۇ. قاچان يولغا چىقماقچى بولۇشۇۋاتىلا بەگىيۈسۈپ بالام؟ ئۇ جاۋاب بەرگۈچە، تاماق ئېلىپ كىرگەن زۆھرەخان بىلەن ئاينىساخان تەزىم قىلىشىپ، قوللىرىدىكى پەتنۇسنى داستىخانغا قويدى.
— ئاتىسى، تاماقنى ھاجىپ جانابلىرىنىڭ ئالدىغا قويغان بولسىلا، — دېدى ئاينىساخان ھېلىھەم رومىلىنى يۈزىگە تۇتۇپ.
— گەپنى ئەجەب بۆلۈۋەتتىلا، — خوتۇنلىرىغا تەرەپنى تۇرۇپ قارىغان ئاشانبۇقا گەردەن چىڭىگە لىپمىلىق ئۈزۈلگەن چۆچۈرىنى پەتنۇس بىلەن بەگىيۈسۈپكە تۇتتى، — بۇ گالۋاڭ خوتۇنلار كېلىشلەردىن خەۋەرسىز سۆيۈقئاش ئېتىپتۇ. ئىچىپ باقسىلا.
— ئۇنداق دېمىسلا، بوۋا. تائاملارنىڭ ئىچىدە چۆچۈرە ئادەمنىڭ تومۇر — تومۇرلىرىغا بېرىپ ھوزۇرلاندۇرىدىغان، ھاردۇق چىقىرىدىغان ياخشى تاماق. مەززىلىك، لەززەتلىك. مەن چۆچۈرىگە شۇنچە ئامراق، — بەگىيۈسۈپ ئاشكۆكى، چامغۇر سالغان چۆچۈرىنى قوشۇق بىلەن ئاغزىغا سالدى.
— دېسىلا بەگىيۈسۈپ بالام، قاچان ماڭماقچى بولۇشۇۋاتىلا؟ — ئەس — يادى بولغۇسى جەڭدە قالغان ئاشانبۇقا يەنە سورىدى.
چۆچۈرىنى ئىچىپ تۈگەتكەن بەگىيۈسۈپ دەرھال جاۋاب بەردى:
— بۇنى ئاللا بىلىدۇ بوۋا، ئېلىكخان پەرمان چۈشۈرگەن كۈنى ئاتلىنىمىز.
— ئاللا ئۆزى مەدەتكار. بۈگۈندىن باشلاپ بالىلىرىمنىڭ يول تەييارلىقىغا كىرىشەي. ھاي خوتۇنلار، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ بالا — نەۋرىلەرگە كىيىم — كېچەك تەييارلاشقا دەرھال كىرىشىڭلار، — دەپ بۇيرۇدى بوۋاي. قاچا — قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان زۆھرەخان بىلەن ئاينىساخان تۇرۇپ قېلىشتى. ئۇلار ئېرىنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمەي قېلىشقانىدى.
قېرىغاندا ئادەم ئالدىراڭغۇ، تېرىككەك بولۇپ قالسا كېرەك. ئاشانبۇقا بالىلىرى ئەتە سەھەردە يولغا چىقىدىغاندەك ئولتۇرالماي قالغانىدى. سۇلتانبەگ:
— ئابا، مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي، — دەپ ئىككى ئانىسى بىلەن ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ زۆھرەخاندىن تۇغۇلغانىدى.
بەگىيۈسۈپ ئاشانمۇقاننىڭ بالىلارچە سۆز - ھەرىكەتلىرىگە قاراپ: «قالتىس ئاتا - دە، ئاتىلارنىڭ ھەممىسى مانا شۇنداق بولسا، مانا شۇنداق قىرىسا، دۇنيادا جەڭ بولمايتتى، ناهەق قان تۆكۈلمەيتتى. ھەممە شاد - خۇرام، ئىناق - ئۆجىل بولۇپ ھايات پەيزىنى سۈرۈپ ياشايتتى…» دەپ ئويلىدى.
— ئانىلىرىمۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، جەڭگە بېرىشىمغا قوشۇلدى، كىشى قارا، — يۈگۈرۈپ كىرگەن سۇلتانبەگ بەگىيۈسۈپنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. ئۇ كەلگۈنچە ئاشانمۇقاننىڭ مۈرىسىدىن قۇچاقلىدى، — سىلى نېمىدىگەن ياخشى ئاتا. كۆڭۈللىرى نېمىدىگەن كەڭ، نەزەرلىرى نېمىدىگەن ئۈستۈن! ئۈمىدلىرىنى چوقۇم ئاقلايمەن، ئىشەنچىلىرىگە قىلچە داغ چۈشۈرمەيمەن.
— مېنى بەك ماختاۋەتمىگۈ بوغرام. مەن ئۇنچە پەزىلەتلىك ئاتا ئەمەس. پەقەت سېنى غۇرۇرلۇق، مەردانە ئەر بولسۇن دەيمەن، خالاس. ئەر - يىگىتنى جەڭ سىنايدۇ. شۇڭا، سېنى، ئاكا - ئىنىلىرىڭنى جەڭگە ئۇزىتىش ئارزۇيۇم ئىدى. ئەمدى بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىدىغان بولدۇم ئوغلۇم، — ئۇ سۇلتانبەگنى قۇچاقلاپ سۆيدى، — بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازىڭ، غوجاڭ بەگىيۈسۈپكە رەھمەت ئېيت!
سۇلتانبەگ ئاتىسىنى يېڭىدىن چۈشەندى. ئۇ سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، ھىممەتلىك، مەرد - سېخىي ئىدى. كۆڭلى تار، باغرى تاش ئاتىلاردىن ئەمەس ئىدى. ۋەتەن، ئەل ئۈچۈن جاندىن، بالىلاردىن، بايلىقتىن كېچەلەيدىغان پىداكار ئاتا ئىدى.
— رەھمەت كىشى قارا، — دېدى ئۇ قوللىرىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، — دېگەنلىرى راست چىقتى. ئاتامنى بۇرۇن چۈشەنمەپتىكەنمەن، ئەمدى چۈشەندىم. بۇنداق ئالىيجاناب پەزىلەتلىك ئاتىغا ئوغۇل بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.
— ياق، ياق بالام. مەن بىلەن ئەمەس، پۈتۈن خانلىق ئەھلىگە جان كۆيدۈرۈۋاتقان ئۇستازىڭ بەگىيۈسۈپتىن پەخىرلەن. گەرچە
مېنىڭ يېشىم ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، بەگىيۈسۈپ بالامنى ئۇستاز تۇتۇپ كېلىۋاتىمەن.
ئاشانبۇقا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ بەگىيۈسۈپكە چاي سۇندى.
— بۈگۈن كەلگىنىم ياخشى بولغانىكەن، بوۋا. كېلەلمىگەن بولسام ئۆزۈمنى يولغا قارىتىپ قويىدىكەنمەن. كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ سىلىنى ئۇستاز تۇتقانىدىم. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇستازىم بولۇپ قالىلا بۈزرۈكۋار، — بەگىيۈسۈپ بوغۇلداپ يىغلاپ كەتكەن ئاشانبۇقانىڭ ياشلىرىنى قولى بىلەن ئېرتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — بۈگۈن ئېلىكخان ئالىيلىرى ئەركان، ئارسلانلارنى ئاتلىنىدىغان سەردارلار قاتارىدا تىلغا ئالغانىدى. سىلى ماقۇللۇق بىلدۈرۈپلا قالماي، ئون ئوغۇل، ئون توققۇز نەۋرىلىرىنىمۇ ئاتلاندۇرماقچى بولدىلا، بۇنى ئېلىكخان ئالىيلىرىغا يەتكۈزەي. مېنىڭچە بىر ئوغۇل، ئىككى نەۋرىلىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرسىلا كۆپىيە بولار. قالغان ئوغۇل، نەۋرىلەر يانلىرىدا مەزمۇت تۇرۇپ بەرسە، ئىش — ئوقەتنى بىلەن قوزغۇردۇنى ئاۋات قىلسا، جەڭدە نۇسرەت قازانغاندا كۆپ تۆھپە قوشقان بولىدۇ. جەڭگاھنى باھادىر جەڭچىلەر قىزىتقاندەك، شەھەر — قىشلاقلارىمىزنى غەيرەتلىك، ئەجەبكىچە ئەزىمەتلەر ئاۋات قىلىدۇ. جەڭگاھتا جەڭچى، شەھەردە بىلىمدار تىجارەتچى، كاسىپ، سەھرالاردا تېرىقچى، چوپان كەم بولسا بولمايدۇ، بوۋا. ئۆزلىرىنىڭ ھەممىلىرىگە رەھمەت، دۇئا قىلىپ بەركەيلا.
ئاشانبۇقا كۆز يېشىنى يېڭىگە سۆرتۈپ دۇئائا قول كۆتۈردى:
— تەڭرىم، رىزقىمىزغا قارا ساناپ ئالا نىيەتلىك قىلغان سويقەستچى قانخورلارنىڭ جازاسىنى بېرىپ، قاراخانىيلار ئېلىنى ئاۋات قىلغىن، قۇدرەت تاپتۇرغىن، سەنلا ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى، خالىس ياردەم بەرگۈچى سەن. ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر!
ئۇ بەگىيۈسۈپنى ئوغۇل، نەۋرىلىرى بىلەن بىللە ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى.
ئۇستازىنىڭ باش چايقىشى بىلەن سۇلتانبەگ كۆڭلىنى ئاچماي يىغىشتۇرۇپ يولغا چۈشتى. كەچكى شەپەق ئېگىزنىڭ قوش بېشىغا جۇلا تاشلىدى.
ئاشانبۇقاننىڭ ئۆيىدىن روھلىنىپ چىققان بەگىيۈسۈپنى يەنە غەم بېسىۋالدى: «بارسغانغا لەشكەر تارتىپ بارغان ئىبراھىم تېگىن قېرىنداشلىرىمىزنى قىرغىن قىلىۋاتامدىغاندۇ ياكى ئىنائال تېگىننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چېكىنگەنمىدۇ؟ توغرۇل قاراخاننىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بارسغانغا بۇرۇنراق يېتىپ بېرىشى بۇ جەھەتتە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالىدۇ. ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشنىمۇ ئەمدى كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك…»
ئون يەتتىنچى باب: بايىبەك ئىنال تېگىن
1
قەشقەر شەھىرىنىڭ ئارايار كوچىسى بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان زامانىدا، يارنى يېرىپ بەرپا قىلىنغان يېڭى مەھەللە ئىدى. بۇ كوچىنىڭ بىر تەرىپى غەرب تەرەپكە سوزۇلۇپ، بەجايكى چىنار دەرىخىدەك شاخلاپ، يان كوچا، تار كوچا، خالتا كوچىلارنى ھاسىل قىلغانىدى. يەنە بىر تەرىپى شەھەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى قورۇقى بولغان تۆشۈك دەرۋازىسىغا تاقىلاتتى.
تۆشۈك دەرۋازا — شەھەر سېپىلىنىڭ شەرقتىكى چوڭ دەرۋازا بولۇپ، نېمە ئۈچۈن «تۆشۈك» ئاتىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت تارقالغان:
تۇران مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى ئافراسىياپ قەشقەرنى پايتەخت قىلغان قەدىمكى زاماندا، نۇرغۇن لەشكەر بىلەن شىمالغا يۈرۈش قىلىپتۇ. تارىم دەرياسى، تەڭرىتاغلاردىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ خانلىقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر ياقا يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلغان يات قەبىلە لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا، ئىران پادىشاھى كەيكائۇس ① ئون تۈمەن سىپاھ بىلەن تۇران زېمىنىغا بېسىپ كىرىپتۇ ۋە پايتەخت قەشقەرنى ئىشغال قىلىۋاپتۇ. ئافراسىياپ دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەندە داقا - دۇمباق ئەمەس، سېپىلدىن مۆلدۈردەك ياغقان يا ئوقى ئۇنىڭ
① كەيكائۇس — بۇنىڭدىن 2500 يىللار ئىلگىرى ئۆتكەن ئىران پادىشاھى. «شاھنامە»دىكى مەشھۇر شەخس.
دەبىدەبىسىنى غەزەپكە ئايلاندۇرۇپتۇ. ئۇ گۈرزىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ، تۆمەنبېشىلارغا سېپىلنى تاش بوران قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. مەڭچاناقتىن سالما بىلەن تاش بوران قىلىش باشلىنىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندە سېپىلدىن غارنىڭ ئاغزىدەك چوڭ بىر تۈشۈك ئېچىلىپتۇ. مانا شۇ تۈشۈكتىن نەزەر تارتىپ بېسىپ كىرگەن ئافراسىياپ قوشۇنلىرى شەھەرنى ئاپتۇ. غەربىي دەرۋازىدىن قاچقان كەيكائۇس لەشكەرلىرىنى سۈر - توقاي قىلىپ، ئۆز دىيارىغا قوغلىۋېتىپتۇ. نۇرغۇن ئولجا غەنىيمەت ئېلىپ قايتقان ئافراسىياپ ئېگىز چاقلىق ھارۋىسىدا ئۆزە تۇرغىنىچە ھېلىقى تۈشۈكتىن ئۆتۈپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك ئوردىسىغا كىرىپتۇ ۋە ئۈچ پايىلىق ئالتۇن تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئاشۇ تۈشۈك ئورنىغا دەرۋازا ياساش توغرۇلۇق پەرمان جاكارلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈشۈك ئورنىغا تۆمۈر ھالقىلىق كاتتا دەرۋازا ياسىلىپتۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ دەرۋازا «تۈشۈك دەرۋازا» دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.
تۈشۈك دەرۋازىسىدىن كىرگەن يولۇچى «ئارايار» كوچىسىغا قەدەم قويىدۇ. كوچىنىڭ ئىككى قاسىنىدا يارنى ئويۇپ سالغان پېشايۋانلىق ئۆيلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى يېنىدا تۆمۈرچىلىك، مىسكەرلىك دۇكانلىرى ئورۇن ئالغان. «ئارايار» كوچىسىنى ياقىلاپ مېڭىۋاتقان يولۇچى «كەتمەن بازىرى» دېگەن تۆت كوچا دوقمۇشىغا كېلىدۇ. «ئارايار» كوچىسى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغانسېرى پەسلەپ ياغ بازىرىغا كەلگەندە، ئاچال پەيدا بولۇپ، غەرب ۋە شىمالغا سوزۇلغان ئىككى كوچا بارلىققا كەلگەن. شىمالغا سوزۇلغان كوچا ئوردا ئالدىغا، غەربكە سوزۇلغان كوچا قوناق بازىرىغا تۇتىشاتتى.
ئىككى چوڭ يولنىڭ كېسىشكەن دوقمۇشىدىكى «كەتمەن بازىرى» ناھايىتى ئاۋات گۈزەر ھېسابلىناتتى. بۇ يەردە تۆمۈرچىلىك، مىسكەرلىك دۇكانلىرى كۆپ ئىدى. بۇ دۇكانلار ئارىسىدا، دوقمۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە قانات يايغان چوڭ
دۇكان ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بولقا - بازغاننىڭ تاڭ - توڭ، جاڭ - جۇڭ قىلغان ئاۋازى ئەتەگىدىن - كەچكىچە مۇشۇ دۇكاندىن ئاڭلىنىپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە تارتاتتى. بۇ دۇكاننىڭ تەكچىلىرىگە بېسىپ يارقىراپ تۇرغان كەتتەن، ئورغاق، پالتا، كەكە، قىسقۇچ، پىچاقلار تىزىپ قويۇلغانىدى. تاملىرىغا ئېسىلغان، يۆلەپ قويۇلغان قىلىچ، نەيزە، دۇبۇلغا، قالقان، ساداقلار ئادەمنى جەلپ قىلاتتى.
بۆرە تېرىسى سېلىنغان يۆلەنچۈكلۈك كۆرسىدە ئولتۇرىدىغان ھەممىگە تونۇشلۇق ئاپپاق ساقال بوۋاي بۇ كاتتا تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنىڭ غوجايىنى ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈرنىياز بولۇپ، كىشىلەر قوشۇپ ئاتايدىغان لەقىمى ئاخۇنئاغا. ئۇ يەتمىش ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، پولاتنى سوقۇپ، شاگىرتلىرىغا ئۈلگە كۆرسىتەتتى. توپاقنى كۆتۈرۈپ شوتا بىلەن ئۆگزىگە ئېلىپ چىقالايدىغان، سەكرەپ مىنسە ئاتنىڭ بېلى ئېگىلىپ كېتەتتى. بۇ ئەتراپتىكى مىسكەر، تۆمۈرچىلەرنىڭ كۆپى ئۇنىڭغا شاگىرت بولغانىدى. بويى تۆت گەز كېلىدىغان گەۋدىلىك بۇ بوۋاي ئىبراھىم تېكىننىمۇ قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئون بۇغرا قاراخاننى كۆرگەنىدى.
تۆمۈرنىياز قورۇسى دۇكىنىنىڭ ئارقىسىدا ئىدى. قورۇ دېگەندىن كۆرە، كاسپ - ھۈنەرۋەنلەرنىڭ توراسى دېسە، تېخىمۇ توغرا بولاتتى. بۇ تورا سەيناسىدا ئەللىك - ئاتمىشتەك ئىش دۇكىنى بولۇپ، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، جەڭ قوراللىرى مانا شۇ يەردە ياسىلاتتى. ھەر دۇكاندا بىر ئۇستا، ئىككى ھۈنەرۋەن، ئىككى شاگىرت ئىشلەيتتى. سەينانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئامبار، ئاشخانا، سول تەرىپىدە ئات، ئېشەك تۇرىدىغان ئېغىل، قوي باقىدىغان قوتان بار ئىدى. سەينانىڭ ئارقا تەرىپى يارغا تاقىلاتتى. يار ئاستى - ئۈستىگە تۆمۈرنىياز خوتۇن - چۆرىلىرى، ئوغۇل - قىز، كېلىنلىرى تۇرىدىغان ئايلان - سارايىلىق ئۆيلەر سېلىنغانىدى.
تۆمەنبەگ ئۆزىنى يېڭى يەرگە تەگكەن پالۋان ھېسابلايتتى. يۇغان باش، ئات يۈز، قارا قاشلىرى ئۆسكۈلەك، قاششارلىق، كۆزلىرى بۆرۈنىڭكىدەك كۆكۈچ، بوم ساقاللىق بۇ ئادەم ياش ۋاقتىدا ناھايىتى كېلىشكەن غەيۇر يىگىت ئىدى.
دەھكار تۆمۈرچى ئېلدانباينىڭ ئاخوننىڭ بۇ كېنچى ئوغلى ئاتىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۈچ ئاكىسى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ ۋاقتىدا، ئودۇن شاھلىرى بىلەن بولغان جەڭدە قازا قىلغىچە، ئۇ ئاتىسىنىڭ بىردىنبىر ياراملىق تايانچىسى بولۇپ قالدى. ئون تۆت يېشىدىلا «ئۆيلەپ قوياي» دېگەن بولسىمۇ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن قىلىچ، ئومۇت، نەيزە، قالقان سوقۇشقا بېرىلگەن يىگىت «دۇكان ئايرىغاندا ئۆيلىنىمەن» دەپ ئاتىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. ئاغرىنىپ قالغان ئېلدانباي گەپ - سۆزسىز ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتتى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. تۆمەنبەگ قارىغايدەك بوي تارتىپ قامىتىنىڭ ئېگىزلىكى، كېلىشكەن گەۋدىسى، كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن تەڭتۈشلىرىدىن كۆپ ئېشىپ چۈشتى. نورۇز مەشرىپى كۈنى تۆمەن دەرياسى بويىدىكى بۇغراخان مەيدانىدا بولغان چېۋەندازلار مەشرىپىدە چېپىش، قىلىچۋازلىق، ئوقياچىلىقتا رەقىبلىرىنى يېڭىپ، ھارۇن بۇغراخاندىن ئۈچ لېگەن تىللا تارتۇق ئالدى. خۇشال ھالدا مەيداندىن يېنىپ چىقىۋاتقاندا نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭغا ياملىق تاشلاشتى. پەقەت تۆت بۇرجىكىگە ئالتۇن قوڭغۇراق چىكىلگەن ياملىقنى تۇتۇۋالغان تۆمەنبەگ يىگىتلىك شوخلۇقى تۇتۇپ ئېتىنى يانغا بۇردى. ئۆزىگە ياملىق تاشلىغان، قۇندۇز چاچلىق بېشىدا ئالتۇن تاخى بار، گۈزەل رۇخسارىنى ھېلىھەم رومال بىلەن يوشۇرغان زىلۋا، قامەتلىك قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ بىر مۇنچە قىزلارنىڭ ئىچىدە، يۇلتۇزلار
① ھارۇن بۇغراخان — مىلادىيە 992 - يىلدىن 998 - يىلغىچە قاراخانىيلار ئېلىگە بۇغراخان بولغان. يۈسۈپ قادىرخان ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى.
535
ئارىسىدىكى چولپاندەك چاقناپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قۇتلۇق نەزىرى يىگىتنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىۋەتتى.
— مەردۇمەردانىڭىزغا ئايان بولمىغان گۈزەل نامىڭىز نېمىدۇر خان قىز؟ — دەپ سورىدى ئۇ سەل ئېگىلىپ.
— مەن خان قىز ئەمەس، قونچۇي. ھارۇن بۇغراخاننىڭ كىچىك قىزى ئالتۇن تارىم نارا بولىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى. ھېلىھەم رومال ئىچىدىكى بۇ قىزنىڭ زىبا چېھرى ئاق بۇلۇت ئىچىدىكى ئايدەك گۈزەل ئىدى.
— شاھ قىزىغا ئېھتىرام! — تۈمەنبەگ قولىدىكى قامچىسىنى تېقىمىغا باستۇرۇپ تەزىم قىلدى.
— ئېيتىڭا باھادىر يىگىت، جاھان رەناسىغا مەلۇم بولمىغان ئىسمى زاتىڭىز نېمىكىن؟ — قىزنىڭ شەھلا كۆزلىرى تۈمەنبەگنىڭ قىزارغان يۈزىگە تىكىلدى:
— ئېلدانباي ئاخوننىڭ ئوغلۇمۇ، مەيداندىمۇ يەككە — يېگانە ئوغلى تۈمەنبەگ ئاخون بولىمەن.
— ئەمدى كەتسىڭىز بولىدۇ، پالۋان، — مىلىكە نارا رومىلىنى قىيا ئېچىپ يانغا قارىۋالدى.
يىگىت تېڭىرقاپ قېلىپ سورىدى:
— ئېيتىڭا قونچۇي، سىزنى يەنە كۆرەلەمدىمەن؟
— بۇنى كۆڭلىڭىزدىن سوراڭ…
غۇرۇرى كۈچلۈك تۈمەنبەگ يېلىنىشنى خالىماي ئېتىغا قامچا ئۇرۇپ، چاڭ چىقارغىنىچە مەيداندىن غايىب بولدى.
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، تۈمەنبەگ ئىشق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۇ ساھىبجامال مىلىكە يىگىتنىڭ خىيالىدىن زادىلا چىقمىدى. كۈندۈزى قولى ئىشقا بارماي، كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمەي تازا قىينالدى. «نېمىشقا ئۇ قونچۇيغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى؟» دەپ ئاھ ئۇردى. ئاخىر بولالماي ئۆيلىنىشكە ماقۇل بولۇپ ئاتىسىغا كىشى قويدى. ئېلدانباي ئاخون ئوغلىنىڭ خاقان قىزىغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغىنىنى بىلىپ، مەيلىدىن ياندۇرماقچى
بولدى. بىراق، ئوتتادا پۇچىلىنىپ كۆيۈپ كېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ خاراب ھالىغا قاراپ چىدىيالمىدى. بۇغراخان لەشكەرلىرىگە قورال، سايمان ياساپ بېرىپ تونۇشلۇق بولۇپ قالغاچقا، دوست تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىرنى بۇغراخانغا ئەلچى قويدى. نەسەب، نامىنى تولۇق بىلدۈردى. ئېلدانباينى دەۋكار تۆمۈرچى دەپ تونۇپ كەلگەن ھارۇن بۇغراخان ئۇنى نەزەرگە ئېلىپ مەلىكىنى ئۇنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى بولدى. قىزىنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، كاتتا توي قىلىپ ئۇزاتتى. ئەنە شۇنداق تەقدىر - قىسمەت بىلەن تۆمەنبەگ بۇغراخانغا كۈيئوغۇل بولۇپ قالغانىدى.
ئىككى يىل ئۆتۈپ نارا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئېلدانباينىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن ھارۇن بۇغراخان بۇ نەۋرىسىگە «بايىبەگ ئاخۇن» دەپ ئات قويۇپ بەردى. بۇغراخان جەمەتىنىڭ ئادەت يوسۇنىغا ئاساسەن بايىبەگ - «ئىنال تېگىن» دەپ ئاتالدى.
ئىنال تېگىننىڭ سۈننەت تويى بولغاندا، سامانىيلارغا قارشى يۈرۈش قىلغان ھارۇن بۇغراخان قوچقار بېشى قىشلىقىدا قازا تاپتى. ئۇ ساچىيە مەدرىسىسىدە ئوقۇۋاتقاندا، يەنە بىر بوۋىسى ئېلدانباي ئاخۇن قازا قىلدى. ئون تۆت يېشىدا توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ قىزى ئەختەر تۈركەن خېنىمغا ئۆيلەندى. ئۇنىڭغا تۆمۈرچى بولۇش نېسىپ بولمىدى. قېيىنئاتىسىنىڭ قوشۇنىدا دەسلەپ ھايىل بېشى، كېيىن جاندارلار بېشى، مىڭبېشى، تۆمەنبېشى بولدى. توغرۇل قاراخان ئۆدۈنگە ئېلىكخان بولغاندا، ئۇ سۇباشلىققا كۆتۈرۈلدى. كېيىن توغرۇل قاراخان پەرغانىگە يۆتكەلگەندە، ئۇ ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ بارسغانغا بىللە باردى ۋە شۇ يەردە نائىب ئېلىكخان بولۇپ تۇرۇپ قالدى…
مۇھەممەد ئارسلانخان بىلەن ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىنال تېگىن ئىبراھىم تېگىننىڭ بۇغراخان بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. بەلكى ئۆزىنى
رەسمىي ئېلىكخان دەپ ئېلان قىلدى. قېيىنئاتىسى توغرۇل قاراخان پەرغانىدىن قېچىپ يېنىغا كەلگەندە ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى ۋە تەسەللى بېرىپ پەرىشان كۆڭلىنى ئارامغا چۆشۈردى. ئۇنىڭ ئابالاساغۇنغا بېرىشى زۆرۈر تېپىلغاچقا ھۆرمەت - ئىكرام بىلەن يولغا سېلىپ قويدى. مانا شۇ چاغدا، ئاتىسى تۈمەنبەگ ئاخۇننىڭ ئىبراھىم تېكىن تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقى توغرىلۇق شۇم خەۋەر كېلىپ، ئىنائال تېكىننى داغى ھەسرەتتە قويدى. ئۆزاق ئۆتمەي ئىبراھىم تېكىن دېگەن ئۇ ياقۇز خاقان نۇرغۇن لەشكىرى بىلەن بارسغانغا باستۇرۇپ كەلدى.
بايىبەگ ئىنائال تېكىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى پۇختا تەييارلىق قىلىپ كېلىۋاتقاچقا ھودۇقۇپ كەتمىدى. دەرھال پەرمان جاكارلاپ، ئىككى تۈمەن لەشكەر بىلەن شەھەردىن چىقتى. ئىبراھىم تېكىن سىپاھلىرىنىڭ قارشىسىدا سەپ تۈزۈپ، ھەيۋەتلىك خانتوي تېكتۈرۈپ، بۆرە ۋە يولۋاس تېرىسى بىلەن قاپلانغان ئۈچ پايىلىك تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ يېنىدىن شەيخۇلىسلام، ۋەزىر، ھاجىپ، ئاغىچى ئۇلۇغى، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ يابغۇ، چاغرىبەگلىرى، سول يېنىدىن سۇباشى، تۈمەنبېشى، تارخانبەگلەر، ئالىپ سانغۇنلار ئورۇن ئېلىشتى. ئىككى تەرەپكە قارىغاي سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھال رەڭلىك قاراخانىيلار تۇغى قادالغان كۈمۈش پايىلىك تەختنىڭ ئارقىسىدا جاندارلار سەپراس بولدى. بايىبەگ ئىنائال تېكىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قىلىچىنى قىنىدىن سوغاردى:
— جانابلار، بىز كۈتمىگەن ياقۇ بوسۇغىمىزغا باستۇرۇپ كەلدى. بۇ ياقۇ سىرتتىن كەلگەن بولماستىن، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ئاسىي سۆيىقەستچىلەردۇر. ئۇلار بۇغرا قاراخانلىرىمىزنى ئۆلتۈردى. نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك قابىل كىشىلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ تۈزكۈر، ياقۇز دۈشمەننى شەھەرگە ئاياغ باستۇرماسلىقىمىز، قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك، ئاللا
بىزگە مەدەتكار…
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي، يۈگۈرگىنىچە بىر موللاق ئېتىپ، خانتويغا كۆز يېتىم قالغاندا توختىغان نىقابلىق ئادەم ياسىنى بەتلەپ ئوق ئۈزدى - دە، يەنە شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن موللاق ئېتىپ غايىب بولدى. ئۇ ئاتقان ئوق خانتوي ئىشىكىنىڭ بالابېشىغا قادىلىپ قالدى. چۆچۈپ كەتكەن قاراۋۇل يانچۇقتىن بىر پارچە ئاق لاتىنىڭ يۆگەلگىنىگە سەپشىلىپ، ئۇنى ئالدى - دە، قاراۋۇللار سەردارى تۇرغاقبەگكە بەردى. ئۇ ئىشىكئاغىسىغا تاپشۇردى. ئىشىكئاغىسى يا ئوقنى ئىنال تېگىنگە سۇندى:
-
بۇ مەكتۇپتەك قىلىدۇ، ئالىيلىرى. مەكتۇپنى يا ئوققا يۆگەپ ئېتىپتۇ، ئۇ شۇنداق تېز پەيدا بولۇپ يەنە شۇنداق تېز كۆزدىن يوقىلىپتۇ.
-
نېمە! شۇنداقمۇ بىخەستەلىك قىلغان بارمۇ؟ چاۋۇشلار① بىلەن تۇرغاقلار سەزمەپتىمۇ - ھە؟ - ئېلىكخان ئاچچىقىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، - بۇنداق بېپەرۋالىق قىلساق دىيارىمىزنىمۇ، كاللىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالمايمىز. خانتوي ئىشىكى ۋە ئەتراپىدىكى چاۋۇش، تۇرغاقلار دەرھال ئالماشتۇرۇلۇپ، ھەربىرىگە ئون دەررە ئۇرۇلسۇن، - ئەمىر قىلدى ئىنال تېگىن دەرغەزەپ بولۇپ.
-
خۇپ ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئەمىرلىرىنى ھايالسىز ئورۇنلايمىز، - ئىشىكئاغىسى خانتويدىن چىقىپ كەتتى.
ئىنال تېگىن يا ئوققا يۆگەلگەن ئاق چوتا لاتىنى ئاچتى:
«بايبەگ ئىنال تېگىن! بىلىپ قال، ھازىردىن باشلاپ سېنى بارسخان دىيارىنىڭ ئېلىكخانلىقىدىن ئېلىپ تاشلىدىم. كاللام
① چاۋۇشلار - ئەسكەرلەرنى قاتتىق ئىنتىزام بىلەن باشقۇرغۇچى مەشقاۋۇللار.
تېنىمدىن جۇدا بولمىسۇن دېسەڭ، قىلىچىڭنى بوينۇڭغا ئېسىپ ئالدىمغا كەل. ئايىغىمغا باش قويۇپ كەچۈرۈم سورا. مۇبادا ئەمرىمگە بويۇنتالاق قىلساڭ، بۈگۈنلا دارغا ئېسىلىسەن! قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بۇغراخانى ئىبراھىم ئارسلانخان»
ئىنال تېگىن خەنجەرنى غىلاپتىن شارتتىدە سوغۇرۇپ: — دەبىرى، قەلەم! — دەپ توۋلىدى ۋە ئاستىغا سېلىنغان بۆرە تېرىسىنىڭ بىر بۇرجىكىنى كېسىپ ئالدى. دەبىرى قەلەم بىلەن خەت يازىدىغان تاختىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بېرىپ، شىشىدىكى سىياھنى تەڭلەپ تۇردى. ئىنال تېگىن قەلەم ئۇچىنى سىياھقا چىلاپ، ھېلىقى كېسىۋالغان بۆرە تېرىسىنىڭ تاقىر تەرىپىگە تۆۋەندىكىلەرنى يازدى: «ئىبراھىم تېگىن، قۇلىقىڭنى دىڭ قىلىپ ئاڭلا! سەن بۇغراخان ئەمەس! ئەسلىڭنى، نەسلىڭنى ئۇنتۇغان خائىن سەن، خالاس. ئەگەر ئامان قالاي دېسەڭ، سوغارغان قىلىچىڭنى قىنىغا سېلىپ تېز يۆتكەل. ئۇنداق قىلىشنى خالىمىساڭ ئۆلۈمۈڭنى كۈت! بارسخان ئېلىكخانى بايبەگ ئىنال تېگىن»
ئۇ يازغانلىرىنى بىر ئوقۇپ چىقىپ قەلەمنى دەبىرىگە بەردى. — سادىن ئەييارنى چاقىرىپ كىرىڭ، — دەپ ئەمر قىلدى. ئاندىن كۆپچىلىككە نەزىرىنى يۆتكەپ ئىبراھىم تېگىننىڭ تەھدىت خېتىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان جاۋابىنى ئوقۇدى. خانتوي ئىچى تىمتاس بولۇپ كەتتى، — قورقۇۋاتامسىلەر ياكى غەزەپلىنىۋاتامسىلەر؟ — سورىدى ئۇ ۋەھىمىلىك جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، — راست گېپىڭلارنى قىلىڭلار! بىرىنچى بولۇپ شەيخۇلىسلام ئابدۇلۋاھاب داموللا ئېغىز ئاچتى: — ئېلىكخان ئالىيلىرى، راست گەپ قىلىش —
مۆمىنلەرنىڭ پەزىلىتى. يالغان سۆزلەش — بەتنىيەتلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى. راست گەپ قىلسام ۋۇجۇدىمىزدا قورقۇشمۇ، غەزەپمۇ ئوخشاشلا ۋەسۋەسە قىلماقتا. بۇ ئۇرۇشتا غازى بولۇش، قۇربان بولۇشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئاللا ئېگەم ئۆزلىرىدەك ھەق تەرەپتە تۇرىدىغان خەلقپەرۋەر، ئادىل، جاسارەتلىك شاھنى ئەل بېشى قىلغانىكەن، قاراخانىيلار مەملىكىتىنى، ئاۋامنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جاندىن كېچىشكە رازى بىز.
شەيخۇلىسلامنىڭ سۆزى ئۆتكۈر، ھاجىپ، سەرگەردىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. ئۇلار:
— ئىبراھىم تېگىن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشقا تەييارمىز!
— قاراخانىيلار ئېلىنىڭ گۈمران بولۇشى — بىزنىڭ مەھشەر كۈنىمىز. قاراخانىيلار ئېلىنىڭ نۇسرەت قازىنىشى — بىزنىڭ سائادىتىمىز!
— ئاسىي قارا نىيەتلەر جازالىنىشى كېرەك! — دەپ ئىرادە بىلدۈرۈشتى.
سادىن ئەييارنى باشلاپ كىرگەن دەببۇس رەببىنى كۆكسىگە ئېلىپ كۈتۈپ تۇردى.
— ئىشەنچىمىز كامىلكى، ئىرادىمىز مۇستەھكەم بولىدىكەن قارا كۈچلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز. مەن بۇ جاۋابنى ئىبراھىم تېگىنگە ئەۋەتىمەن، — دېدى ئېلىكخان ئۆ قولىدىكى بۆرە تېرىسىگە يېزىلغان خەتنى سادىن ئەييارغا ئۇزارتتى.
— بۇنى يا بىلەن ئىبراھىم تېگىنگە يەتكۈز.
2
گىرمىسەن ھاۋا بارا-بارا سوۋۇلدى. قارا بۇلۇتلار توسۇۋالغان قۇياش پاللىدە كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. خانتوي
تۆغلۇقتىن تەخت پايىسىگە ئاپتاپ چۈشتى. خاقاننىڭ ئېچىلغىنىدىن ئۆزىچە خۇشال بولغان ئىبراھىم تېگىن:
— قەيسەربەگ ئاغا، كۆردىڭىزمۇ، ھاۋا ئېچىلدى. بۇ بىزنىڭ نۇسرەت قازىنىدىغانلىقىمىزغا بېشارەت. ئامەتنىڭ بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەت، — دەپ تۇرۇۋىدى، خانتۇيغا كىرىپ تەخت ئالدىدا تىزلانغان قارا باخشى دېدى:
— بۇغراخان ئالىيلىرى، ھېكمەتلىك پۇتۈكلىرى بارغان ئېلىكخاننىڭ خانتۇيىنى ئۆرتۈپە قىلىۋېتىپتۇ…
— توختا! ئۇ پۇتۈكنىڭ ئۆرتۈپە قىلىۋەتكىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ئالدىرىماي سۆزلە.
— خۇپ ئالىيلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدىن چىقىپ بىر موللاق ئېتىش بىلەن بارسغان ئېلىكخاننىڭ بارگاھىغا يۈز قەدەم كېلىدىغان يەردە توختىدىم. ياننىڭ ئوقىغا پۇتۈكنى يۆگەپ ئاتتىم. قاراپ تۇرسام ئوق خانتۇينىڭ بالابېشىغا سانجىلىپ قالدى. ئۇنى ئېلىپ ئوقۇغان ئېلىكخان ھوشىدىن كەتكەي قالارمۇ؟ خانتۇي ئىچى پاتىپاراق بولۇپ كەتمەسمۇ؟ مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ بىر موللاق ئېتىپ مانا ھۇزۇرلىرىدا ھازىر بولدۇم.
ئىبراھىم تېگىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. يارقراپ تۇرغان يۈز تېرىسى تارتىشىپ چوقۇرىلىرى ئوچۇق كۆرۈندى.
— ئاغچى ئۇلۇغى، ئەييارلار باشقا كەدۈت بېرىلسۇن! — دەپ بۇيرۇدى ئۇ خەزىنە ۋەزىرىگە.
كۈمۈش ئۆزەڭگىلىك ئېگەرلەنگەن ئات، دۇبۇلغا — ساۋۇت، بىر تاقاق تىللا بىلەن تارتۇقلانغان قارا باخشى بارگاھى ئالدىدىن چىقىشىغا، يادىن ئېتىلغان بىر ئوق ۋىژىلداپ ئۇنىڭ باش ئۈستىدىن ئۆتۈپ، خانتۇينىڭ ئىشىكىگە سانجىلىپ قالدى. تاتىرىپ كەتكەن قارا باخشىنىڭ قولىدىكى تاقاق يەرگە چۈشۈپ، تىللا چېچىلىپ كەتتى.
بارگاھ ئالدىدىكى قاراۋۇللار چۆچۈپ، ئىشىككە سانجىلىپ
قالغان يا ئوققا قاراپ قېلىشتى. قارا باخشى تىللانى ئىتتىك تېرىپ تاۋاققا سالدى دە، ئاتقا مىنىپ تۇراسىغا بەدەر تىكۋەتتى. نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرۇشسەن؟ بۇ يەردە نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى بارگاھى ئالىيدىن چىققان بوزاغو. يۈغرۈش بېشى جاناپلىرى، بۇنىڭغا قارىسىلا، بىر قارائۇل ئونىڭغا ئىشككە سانجىلغان پېتى تۇرغان يا ئوقنى كۆرسەتتى. بوزاغو كەينىگە ئۆرۈلۈپ، يا ئوقنى كۆچەپ سۇغۇرۇۋالدى دە، بارگاھى ئالىيغا كىرىپ ئىبراھىم تېگىنگە سۇنۇپ بەردى. بۇ نېمە گەپ قەيسەربەگ ئاغا؟ چېھرىدىن كۈلكە ئۆچمىگەن ئىبراھىم تېگىن يا ئوققا يۆگەلگەن بۆرە تېرىسىنى ئاچتى. «بۇ نېمە پۈتۈكتۇ؟» دەپ ئالاقزادە بولغان ھالدا كۆز يۈگۈرتتى. «… ئۆلۈمۈڭنى كۈت!» دېگەن قۇرنى ئوقۇغاندا چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى. «ئەستاغپۇرۇللا! ماۋۇ ئەبلەخنى. تېخى مەن بىلەن پۇت تېپىشمەكچى بوپتۇ» دەپ ئاچچىقىدا چاچراپ تۇردى. ئۇ «خېتىمنى كۆرسە، ئىنال تېگىن دەررۇ كېلىپ ئايىغىمغا يىقىلىدۇ» دەپ ئويلىغاچقا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى تۇتالماي قالغانىدى. قەيسەربەگ ئاغا، ئوقۇپ كۆرۈڭ. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بوزاغو ئوقۇپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. بۇغراخان ئالىيلىرى، بۇنىڭ ھېچ قورقۇنچىلىقى يوققۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان گۇناھكار ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ. بۇ پۈتۈككە تۈكۈرۈپ قويۇش كېرەك، خالاس. غەيرەتلىك بولسىلا. مەن چىقىپ ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن ئۆزىنى بىلىمىگەن ئىنال تېگىننى لاغ لاغ تىترىتىپ، ئالدىلىرىغا باغلاپ ئېلىپ كېلەي. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىبراھىم تېگىن روھلىنىپ، تەختىدە
ئۆلتۈردى. — مەن قورقمىدىم، يۇغرۇش بېشى، ئاچچىقلاندىم، — دېدى ئۇ ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالدا. — شاھىنشاھىم، — چاپاۋۇل قىسمىنىڭ سۇبېشى مۆڭسۈز ئورنىدىن تۇردى. ئۇ يالىڭاچلانغان قىلىچنى توغرىسىغا تۇتۇپ دېدى، — جەڭگاھتا قۇرۇق گەپ ياقمايدۇ. يۇغرۇش بېشى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. ماڭا ئىجازەت بېرىلسە، جەڭگە كىرىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى بىر تونۇتۇپ قوياي. ئىبراھىم تېگىن بىر بوزاغۇغا، بىر مۆڭسۈزگە قاراپ بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن: — دەسلەپ يۇغرۇش بېشى قەيسەربەگ مەيدانغا كىرىپ سۆز جېڭى قىلىپ باقسۇن. بۇ ياقمىسا، سىزگە رۇخسەت بېرىي، — دېدى ئانىسى قۇماربىكەنىڭ «تاغاڭنىڭ گېپىدىن چىقما» دەپ تاپىلىغىنى يادىدىن كېچىپ. باشتىن — ئاياغ تۆمۈر ساۋۇت كىيگەن مۆڭسۈز پىسەنت قىلمىغان تەرىزدە قوللىرىنى يېيىپ قىلىچنى قىنىغا سالدى. يۈزىگە نىقاب تارتقان بوزاغۇ ئالتاغىل جەدىنى كىيىنىپ مەيدانغا كىردى. بۇ ئېلىكخان سىپاھىلىرى مەشىق قىلىدىغان، كۆرەك ئۆتكۈزىدىغان، نورۇز، ھېيت، ئايەم كۈنلىرى مەرىكە بولىدىغان كاتتا مەيدان ئىدى. شەھەر سېپىلىدىن ئۈچ چاقىرىم نېرىدا بولۇپ، ئەتراپى گۈلچىمەن بىلەن قاپلانغانىدى. مانا بۈگۈن جەڭگاھقا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئىبراھىم تېگىننىڭ توققۇز توغلۇق قوشۇنى ئۆزۈنىسىغا يىگىرمە چاقىرىم، توغرىسىغا ئەللىك چاقىرىم يەرنى ئىگىلىگەنىدى. ئەتراپتىكى باغباراق، ئېكىنزارلىق، خىيابانلارنى ئىبراھىم تېگىننىڭ توققۇز توغلۇق قوشۇنى دەسسەپ — چەيلەپ ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. بۇ يەردە ئۆلتۈرۈشلۈك دېھقان، چارۋىچىلار قېچىپ كېتىشكەنىدى.
ئىبراھىم تېگىننىڭ يۈك ۋە يىپەك رەختتىن ياسالغان چېدىر بارگاھى مەيداندىن ئىككى چاقىرىم يىراقتىكى بوستانلىق تۈپىلىككە تىكىلگەنىدى. ئۇ تەخت ئۈستىدە گىدىيىپ ئولتۇرۇپ بارگاھنىڭ داغدام ئوچۇق ئىشىكىدىن بوزاغۇننىڭ ھەرىكىتىگە سەپ سېلىپ ئولتۇردى، لېكىن ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىدى.
مۇڭسۇز بارگاھتىن چىقىپ، ئات چاپتۇرۇپ مەيداننى ئايلىنىۋاتقان بوزاغۇنغا كۆز سېلىپ مەسخىرە قىلغان تەرىزدە كۈلۈپ قويدى: «سەن كۆرەڭلەپ قۇرۇق گەپ بىلەن شەھەر ئالماقچى بولۇۋاتىسەن. خاتالىشىسەن كالۋا. ئىنائال تېگىن سەن ئويلىغاندەك قورقۇنچاق سانغۇنلاردىن ئەمەس. قاراخانىيلار خانلىقنىڭ سانغۇنلىرى ئىچىدە مەن قول قويغان ئالىپ سەرگەردە. قېنى نېمىدەپ پۇ ئاتىسەنكىن؟ ئاڭلاپ باقاي…»
بوزاغۇن مەيداننى بىر ئايلىنىپ ئوتتۇرىغا كېلىپ توختىدى. قولىنى سىلتەپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن دېدى:
«ئەييۇھانناس! دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست. ئىشەنگەننىڭ يولى ئوچۇق، ئىشەنمىگەننىڭ يولى تويۇق. مەندۇرمەن قاراخانىيلار ئېلىنىڭ يۇغرۇش باشى، ياۋغا ئاتىدىغان قورام تاشى. ئىبراھىم بۇغراخان تەخت ئۈزەرە خوشالدۇر، ئۇنىڭغا قارشى چىققاننىڭ ھالى ئوسالدۇر. توققۇز تۇغلۇق لەشكەرى سانسىز، ھەيۋىسىدىن تىترەگەي يەر قاساپ ئىمانسىز. سۆزۈمنى ئاڭلا، ئەي بارسغان ئېلى، لەشكەر تارتىپ شاھىنشاھ بۇغراخان كەلدى! ئەل بولۇڭلار يەر ئۆپۈپ شەھەرگە باشلاپ،
ئاياغ ئاستىغا قىلىچ، ئۈمۈتنى تاشلاپ. باش ئەگىسە تېز پۈكۈپ بايبەگ ئېلىكخان بۇ دۇنيادا جان ساقلاپ قالغاي ئامان. مۇبادا تېز پۈكۈپ ئەل بولمىسا، ئەزىز بېشى تېنىدىن بولغاي جۇدا. بارسغان كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنار، مەغرۇر ئىنال تېگىن دارغا ئېسىلار!
ئۇنىڭ تەھدىت سېلىپ قىلغان سۆزى تۈگەپلا، ئۇ تەرەپتىن قىزىل تورۇققا مىنگەن بىر چەۋەنداز چىقىپ كەلگۈنچە بوزاغۇنى بىر ئايلىنىپ سورىدى: — ئەي رەققاس①، ئات ئۈستىدىكى ناز — كەرەشمىڭ نېمىنداق قوپال ۋە يېقىمسىز؟ سەن كەمپىرمۇ، جۇۋانمۇ؟ بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى تەرەپنىڭ سىپاھىلىرى سۈرەن سېلىپ كۈلۈشتى. مۇڭسۇزمۇ ھىجىيىپ قويدى. بوزاغۇنىڭ غەزىپىدىن ئاچچىقى كەلدى. رەقىبىنىڭ بۇنداق مەسخىرە قىلىشىنى كۈتمىگەنىدى. ئۇ تەھدىت سېلىپ ئىنال تېگىن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى باش ئەگدۈرمەكچى ئىدى. — دۆتتەك بەستىمدىن ئالىپ ئەسلىكىمنى بىلەلمىدىڭمۇ بەچچىغەر؟ قۇلىقىڭ گاس، كۆزلىرىڭ كور ئوخشىمامدۇ؟ بار، قايتىپ كەت. ئېلىكخاننىڭ ئەس — ھوشى جايىدا ئادەمنى ماڭا تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتسۇن! — دېدى بوزاغۇ سارغۇچ چېھرى ئۆچۈپ. — ئالىپ ئەر بولساڭ نېمىشقا مەستۇرە جۇۋاندەك قارا چۈمپەردە تارتىۋالدىڭ؟ قېنى يۈزۈڭنى ئاچ! قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكىڭنى، بىر كۆرەي! — چەۋەنداز ئۆسكىلەڭ ساقال — بۇرۇتىدا ئىما قىلىپ، ئېتىنى چاپچىتتى. قىزىل تورۇق
① رەققاس — ئويۇنچى (ئۇسسۇلچى).
ئالدىنقى پۇتلىرىنى ئېگىز كۆتۈردى. بوزاغۇ ئارقىغا داجىدى.
- ئالىپ سانغۇننىڭ چىرايىنى كۆرسەك، ھەيۋىتىدىن ئايلىنىپ كەتسەك گۆدەك. شۇڭا، چۈمپەردە ئەمەس، نىقاب تارتىۋالغانمەن. خام خىيالدا بولماي قايتىپ كەت! سەنئەتەك گۆدەك بىلەن سۆزلىشىشكە ۋاقتىم يوق! - بوزاغۇ ئۇنى چۆكۈرۈپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئېغىز ئاچالماس قىلىپ قويماقچى بولدى، بىراق چەۋەنداز ئېتىنى يەنە بىر چاپچىتىپ، شارت قىلىپ قىنىدىن سوغارغان قىلىچىنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇنىڭ نىقابىنى كېسىۋەتتى. چۆچۈگەن بوزاغۇ بېشىغا قالقان تۇتتى.
- بەچچىغەر! نېمە قىلماقچىسەن؟ نامەردلىك قىلىپ تىغ كۆتۈرۈۋاتىسەنغۇ؟ چەۋەنداز قاقاھلاپ كۈلدى.
- قورقتۇڭمۇ؟ مەن ئۇنداق نامەرد ئەمەس. تىغ كۆتۈرمىگەنگە تىغ ئۇرامايمەن. چۈمپەردىنى ئېلىۋەتتىم، خالاس، - چەۋەنداز قىلىچىنى قىنىغا سالدى. بوزاغۇ قىلىچىنى سوغاردى.
- ھارامزادە! ئاچچىقىم كەلمەستە كامىرىڭغا كىرىۋال. بولمىسا مۈشۈك چاشقاننى يالمىغاندەك يالماپ تاشلايمەن. چەۋەنداز يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دېدى:
- كىمنىكىن دېسەم، موماي ئەمەس، جۇۋانمۇ ئەمەس، بوزاغۇ ئىكەنغۇ ئەبلەخ! مېنى بىلمەيدۇ، دېمە. سەن بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد ئارسلانخان، ھۈسەيىن ئارسلانلارنىڭ قاتىلىسەن! ئۆزۈڭنى قانچە يوشۇرغىنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئېپىت - بەشىرەڭنى مانا شۇنداق ئاشكارىلايدۇ. بوزاغۇ سوغۇق سۇغا چۈشۈپ كەتكەندەك تاتىرىپ كەتتى.
- سەن كىم؟ تۆھمەت قىلما. مەن دېگەن ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ يوغروش بېشى قەيسەربەگ بولىمەن. دەرھال ئاتتىن
چۈشۈپ ئالدىمدا تېزلان! ئۇ قىلىچىنى كۆتۈردى. چەۋەنداز قالقان ئورنىدا ئومۇتنى باش ئۈستىگە دالدا قىلدى. كۈچ بىلەن ئۇرۇلغان قىلىچ ئومۇتقا تەگىپ ئىككى پارە بولدى.
قەيسەربەگ بولسەنمۇ؟ بۇ ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قويۇۋالغان ئىسىم. بۈگۈن بەگكە بەگىيۈسۈپ بوزاغۇ ئىكەنلىكىڭنى پۈتۈن ئەلگە ئاشكارىلىۋەتتى. بىلدىڭمۇ؟ قېرىپ قاپسەن. نېمە دەپ مەيدانغا كىردىڭ قارايۈز مۇناپىق؟! ئەمدى مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ قوي. مەن خانىش قىلىچخاننىڭ خاس نۆكىرى جاندار رۇسلانبەگ قارالغوجا ئوغلى بولىمەن. سەن ئوردا ئۆزگىرىشى قىلغان كۈنى مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئارقىسىدا تۇرغان جاندارلار ئىچىدە مەن بار ئىدىم. ئوردا قانغا بويالدى. مەن خانىش بىلەن قېچىپ چىقتىم. كېيىن بارسخانغا كېلىپ ئېلىكخان ئىقبال تەگىن ئالىيلىرىغا ھەممە ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم. ئونىڭغا جاندار بولدۇم. مانا بۈگۈن تەقدىر قىسمەت بىزنى بۇ جەڭگاھتا ئۇچراشتۇردى. ئاۋازىڭدىن، ھەرىكىتىڭدىن بوزاغۇ ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ئېلىكخاننىڭ ئىجازىتى بىلەن مەيدانغا كىرگەنىدىم. چىرايىڭنى كۆرۈپ خاتالاشمىغىنىمنى بىلدىم! رۇسلانبەگ قىلىچى بىلەن ئۇنى كۆرسىتىپ سىپاھلارغا خىتاب قىلدى، قاراشلار! خائىن، مۇناپىق بوزاغۇنىڭ ئەپت بەشىرىسىگە!
ھەر ئىككى تەرەپتىكى سىپاھلار بىر بىرىگە خىرىس قىلىپ چۇقان كۆتۈردى.
شەرمەندە بولغان بوزاغۇ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. لېكىن، مەككارلىق بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈپ:
رۇسلانبەگ، سېنى تونۇدۇم. ھې ھې ھې… خانىش قىلىچخاننىڭ يۈزىنى قىلىپ سېنى ئامان قوياي. بۈگۈن مەيدانغا قورال جېڭى ئەمەس، سۆز جېڭى قىلىشقا كىرگەنمەن. بىز تىغ كۆتۈرۈشمەيلى، دېدى ئۇ پەس ئاۋاز بىلەن، ئاندىن ئۈنۈنى چىڭ چىقىرىپ ۋارقىرىدى، سەن قايتىپ بېرىپ ئېلىكخانغا
ئېيت، تاقابىل تۇرمەن دېمەي دەرھال تەسلىم بولسۇن!
- تەسلىم بولىدىغان ئېلىمخان ئەمەس، ئىبراھىم تېگىن. ئۇ پۇت
- قولۇڭدىن باغلاپ سېنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، بوزاغو. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى تەرەپ سىپاھلىرى سۈرەن سېلىپ دۆھتەپ كېتىشتى. قاراپ تۇرغان مۆڭسۈز ئىبراھىم تېگىندىن ئىجازەت ئالمايلا قارا بويۇنغا مىنىپ چاپقىنىچە مەڭدەپ قالغان بوزاغونىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئالتاغىل ئېتىنىڭ يانپىشىغا بىر قامچا ئۇرۇۋەردى، بوزاغونى ئېلىپ قاچتى. «سەن ھايات تۇرۇپ تۇر. ئاچاڭ بىلەن ئىككىڭنى ئۆز قولۇم بىلەن بوغۇزلاپ لات - ماناتقا قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىبراھىم تېگىننى بىر خۇش قىلىۋېتەي» دەپ ئويلىغان مۆڭسۈز رۇسلانبەگنىڭ ئالدىنى توستى.
- نەگە بارىسەن يىگىت؟ كۈچ سىنىشىدىغان رەقىبىڭ ئۇ ئەمەس، مانا مەن! - دېدى ئۇ گۈرزىسىنى ئايلاندۇرۇپ. رۇسلانبەگ مۆڭسۈزنى تونۇپ سىلىكىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بۇ قان ئىچەر جاللاتنىڭ ئوردىدا چاپ - چاپ قىلغىنى كەلگەندى.
- تۈلكىدىن قۇتۇلۇپ بۆرىگە ئۇچرىغان ئوخشايمەن. قېنى كارامىتىڭنى كۆرسەت. نۆۋەتنى ساڭا بەردىم! - رۇسلانبەگ، كۆزلىرىگە قان قۇيۇلغان مۆڭسۈزنىڭ ئۆزىنى مەنسىتمەي تۇرغىنىدىن غەزەپلەندى.
- ماڭا؟ ھەم، دۆت كاللاڭنىڭ يەرگە دومىلاپ چۈشۈشىدىن قورقمامسەن بالا؟ نۆۋەت سېنىڭ، مانا بوينۇمنى تۇتۇپ بېرەي، ئەمما بىلىپ قويكى، چاپقان قىلىچىڭ ئۆتمەيدۇ.
- مېنىڭ بوينۇم تاش ئەمەس، قان ئىچەر جاللات، چاپ قىلىچىڭنى! - رۇسلانبەگ سەگەك بولۇپ مۆڭسۈزگە قادالدى.
- ياق، نۆۋەتنى ساڭا بەردىم. ئارماندا قالما، ھەقىقەتەن دۇنيادا ياشاش ئارزۇيۇڭ بولسا ئاتتىن چۈشۈپ تەسلىم بول. سېنى چاپقۇم يوق، رەھىم قىلىپ بىر قوشۇق قېنىڭدىن كېچەي.
غۇرۇرى كۈچلۈك رۇسلانبەگنىڭمۇ كۆزلىرىگە قان قۇيۇلدى.
غۇرۇر ئادەمنىڭ قەدىر - قىممىتى. غۇرۇرۇنى يوقىتىش قەدرىنى تۆكۈشتۇر، دەپ قارىغان رۇسلانبەگ ئۆزىنى كەمسىندۈرگەن، مەنسىتمىگەن مۇڭسۇز بىلەن ئېلىشىشقا جاننى تىكىپ قويدى. ئۇ غەزەپ ئاچچىقى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئومۇت ئۇردى. جەڭلەردە پىشقان مەككار مۇڭسۇز ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تەگكۈزمىدى. ئۇ ئومۇت رۇسلانبەگنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىپ ئايلىنىپ كەلگۈنچە ئۆزىگە، يا ئېتىغا تېگىپ يارىلاندۇرىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئومۇت ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتمىدى.
— ئەمدى نۆۋەت سېنىڭ، — دېدى جاسارىتى ئۇرغۇغان رۇسلانبەگ.
مۇڭسۇز قىلىچىنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى — ياق، ئېتىنى بىر چاپچىتىپ، تېقىمىغا باسورۇقلۇق نەيزىنى يەنە بىر قولىغا ئېلىۋالدى، ئاندىن قىزىل تورۇقنىڭ بېقىنىغا كۆچەپ سانجىدى. ئات ئىككى قېتىم مۆدۈرۈلۈپ يىقىلىپ قويدى. ئۈچىنچى قېتىم يىقىلىپ قوپالمىدى. رۇسلانبەگنىڭ بىر پۇتى ئاتنىڭ ئاستىدا قالدى. مۇڭسۇز ئاتنىڭ بېقىنىدىن تېشىپ ئۆتكەن نەيزىنىڭ سېپىنى قويۇۋېتىپ قاراپ تۇردى. رۇسلانبەگ ھەر قانچە قىلىپمۇ پۇتىنى تارتىۋالالمىدى. مونچاق - مونچاق تەر بويۇن - بېشىدىن ئاقتى. چىرايى ئاقىرىپ كەتتى. لېكىن، ئۇ رەقىبىدىن ياردەم سورىمىدى.
مۇڭسۇز ئۇنىڭدىن شۇنى كۈتۈۋاتاتتى. ئېغىز ئاچمىغاندىن كېيىن:
— نېمىشقا بىر قوشۇق قېنىڭدىن كېچىشىمنى سورىمايسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرغۇزۇپ قوياي. ئايىغىمغا باش قويۇپ گۇناھىڭنى تىلە! — دېدى ھىجىيىپ.
— تۈفۈ! — رۇسلانبەگ ئۇنىڭ يۈزىگە قارىتىپ تۈكۈردى، — غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىپ، ئىرادەمنى سۇندۇراي دەمسەن؟
ئۇخلاپ چۈشۈڭ قانخور! سەن مېنى مەككارلىقتا، كۈچ - قۇۋۋەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكۈڭ بىلەن يارىلاندۇرۇپ، بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولساڭمۇ، ئىمانىم كامىل، ئىرادەم مۇستەھكەمكى، سەندىن بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەپ غۇرۇرۇمنى يەرگە ئۇرمايمەن. دۈشمەندىن گۇناھىنى تىلەش — ئاجىزلىق قىلىش، ئۆزىنى خورلاش دېمەكتۇر، بىلدىڭمۇ؟
— سەن ياشاشنى خالىمامسەن؟ — مۆھسۈز قىلىچىنىڭ ئۇچىنى رۇسلانبەگنىڭ كۆزىگە تەڭلىدى.
— غۇرۇرۇمنى يوقىتىپ، قۇل بولۇپ ياشاشتىن، قەدىر - قىممىتىمنى ساقلاپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرىمەن. ئەقىدە، ئىرادەمگە خائىنلىق قىلمايمەن!
مۆھسۈز ئۇنىڭ مۈرىسىگە قىلىچ ئۇرۇپ سول قولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. لېكىن قاتتىق چىشلىگەن رۇسلانبەگ ئۈن چىقارمىدى.
ئاقارغان چېھرى، تۈرۈلگەن قاپىقى، ھومايغان كۆزلىرى بىلەن مۆھسۈزگە غەزەپ - نەپرەت ياغدۇردى. لەنەت ئوقۇدى.
— گەپ قىلمامسەن يىگىت، غۇرۇرۇڭ، ئەقىدە - ئىرادەڭ سېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالالاممۇ؟ بۇنداق ئازابلىنىپ ئۆلۈشتىن، ئەل بولۇپ گۇناھىڭنى تىلەپ ياشىغىنىڭ ئوبدان ئەمەسمۇ؟
قىينىلىپ بېشىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرگەن رۇسلانبەگ ئۇنىڭ يۈزىگە قارىتىپ يەنە تۈكۈردى.
— راست دېدىڭ مەلۇن، غۇرۇرۇم، ئەقىدە - ئىرادەم مېنى قۇتقۇزالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، يۇرتداشلىرىمغا ۋىجدان بىلەن سەمىمىي ياشاشنى، ئۆزىنى قەدىرلەپ ياشاشنى ئۆگىتىدۇ. ماڭا ئەبەدىيلىك ۋىجدان ئارامبەخش ئېتىدۇ. دۇنيادىن ئارمانسىز كېتىمەن. تۈپۈ ئالەخ!
ئېتىلىپ كەلگەن تۈكۈرۈكتىن، خۇددى ئوقتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندەك سىلىكىنىپ ئارقىغا داجىغان مۆھسۈز بىر قىلىچ
ئۇرۇپ ئۇنىڭ يەنە بىر قولىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلىدى. يىگىتنىڭ ئىككى مۈرىسىدىن ئاققان قان تاقىر يەرگە يېيىلدى. چېھرى سەبدىرەدەك سارغىيىپ كەتتى. ئاغرىق جان - جېنىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ نالە قىلمىدى. چىداملىق، تاقەتلىك ئادەملەرلا مانا شۇنداق دەھشەتلىك قىيناققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دۈشمەنگە باش ئەگمەيدۇ.
رۇسلانبەگ بېشىنى ناھايىتى تەستە كۆتۈرۈپ ئۈچىنچى قېتىم مۆگسۈزنىڭ يۈزىگە تۈكۈردى.
— لەنەت ساڭا! سەندەك ۋەھشىي ئاسىيلارنى خەلق ئەبەدىي لەنەتلەيدۇ. مېنى ئۆلتۈرگىنىڭ بىلەن غۇرۇرلۇق، ئەقىدىلىك ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمەيسەن، ئۆزۈڭ ئۆلتۈرۈلسەڭ قانخور! تۈفۈ!
مۆگسۈزنىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى. ئۇ جان - جەھلى بىلەن رۇسلانبەگنىڭ بوينىغا قىلىچ ئوردى ۋە ئېتىنى ئىقبال تەگكەن بارگاھى تەرەپكە بۇراپ چاپچىتتى.
— ئىشىتمىدىم دېمەڭلار، ئىبراهيم بۇغراخان چاپائۇللىرىنىڭ سۇباشى مۆگسۈزبەگ مەندۇرمەن! نى - نى جەڭلەرگە كىرىپ، چىققانمەن. نى - نى باھادىرلارنىڭ بېلىنى ئېگىپ، جەڭگاھ مېنىڭ يايرايدىغان سەيلىگاھىم. ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇماردىن چىقىدىغان ھەۋىسىم. مەن سىلەرنى ئەل بولۇشقا ئۈندىمەيمەن. مەن بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلار بارمۇ؟ كېلىڭلار! — دېدى ئۇ ئومۇتنى بىر قولىدا پىرقىرىتىپ نەيرە تارتىپ.
ئىقبال تەگكەن سىپاھلىرى ئىچىدىن ئاق قاشقا تورۇققا مىنگەن بىر سەركەردە مەيدانغا كىردى. ئۇنىڭ بوي - بەستى رۇسلانبەگدىن ئېگىز، گەۋدىلىك بولسىمۇ، مۆگسۈزدىن يەنىلا كىچىك ئىدى. قەھر - غەزىپى قاشلىرى قوشۇلغان قوشۇمىسىدا بىر تۈرۈلۈشنى پەيدا قىلغانىدى. ئۇ قانغا مىلىنىپ ياتقان رۇسلانبەگنىڭ تېنىنى كۆردى. ئۇنىڭ چېپىلغان بېشى ئايرىم
تۇراتتى. تەن بىلەن باش ئاجرالغان بۇ ھالەت ھەم ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھەم ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىدى. سەركەردىنىڭ ۋۇجۇدى شۈركۈنۈپ كەتتى.
— كۆردۈڭمۇ، بۇرادىرىڭ غوجا ئاكىسىغا كۆز ئالايتىپ يىقىلغىنىچە قوپالمىدى، — دېدى مۆڭسۈز قىلىچى بىلەن رۇسلانبەگنىڭ تېنى، بېشى، قوللىرىنى كۆرسىتىپ، — سەنەمۇ ئۆزۈڭدەك ئاقىۋەتكە قېلىشنى خالىمىساڭ قىلىچىڭنى قىنىدىن چىقارما. ئومۇتۇڭنى قولۇڭغا ئالما. ئاتتىن چۈشۈپ تەسلىم !
— پوق يەپسەن ! — سەركەردە نەرە تارتىپ قىلىچىنى قىنىدىن سوغۇردى، — بىلىپ قويكى، سەن باھادىر ئەمەس، بىر نامەرد ئىكەنسەن قانخور. سۆز جېڭى قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا كىرگەن ئالپنى ئۆلتۈرۈپ جاللاتلىقنى قىلىپسەن ①. ئەمدى ئۆزۈڭنىڭ خونىڭنى تۆلىشىڭ كېرەك، — سەركەردە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۆڭسۈزنىڭ بېشىغا قىلىچ چاپتى.
جەڭلەردە پىشىپ ماشخۇردا بولۇپ كەتكەن مۆڭسۈز ئۆزىگە چاپقان قىلىچنى ئومۇت بىلەن ئۇرۇۋەتتى. «تاراڭ — تۇرۇق» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىلىچ ئىككى پارە بولۇپ، بىر پارىسى سەركەردىنىڭ قولىدا قالدى، بىر پارىسى يەرگە چۈشتى. مۆڭسۈز ئومۇدنى تېقىمىغا باسورۇپ، قىلىچىنى سوغاردى.
— شۇ ھالىڭغا مەن بىلەن ئېلىشقىلى جەڭگاھقا كىردىڭمۇ بالا بەچچە. قىلىچ دېگەننى مانا مۇنداق تۇرىدۇ، — دەپ ئۈچ قېتىم شىلتەپ، سەركەردىنىڭ بوينىغا كۆچەپ چاپتى. قىلىچ تۆمۈر قالقانغا تېگىپ قاقشاپ قولىدىن چىقىپ كەتتى. كۆزلىرى ئوپۇچۇق، چەكچىيىپ قالغان كاللىنىڭ يېنىغا چۈشتى.
— كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى بىلمىگەن ئەبلەخ ! — دېدى سەركەردە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ.
① قەدىمكى زامانلاردا، جەڭ سۆز ئويۇنىدىن باشلىناتتى. سۆز ئويۇنى ئۈچۈن جەڭگاھقا كىرگەنلەر ئۆلتۈرۈلمەيتتى.
553
— كۆردۈم، يارايدىكەنسەن، — مۆڭگۈز سۇنۇق قىلىچىنى تاشلىۋېتىپ قولىغا گۈرزىنى ئالدى — دە، ئاسمانغا قارىتىپ ئاتتى. قايتىپ چۈشكەندە تۇتۇۋېلىپ يەنە ئاتتى. ماھارىتىنى كۆز - كۆز قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى بىر قانچە رەت تەكرارلىغان مۆڭگۈز گۈرزىنى ئايلاندۇرۇپ — ئايلاندۇرۇپ سەرگەردىنىڭ قۇلاق تۈۋىگە ئۇرۇۋەتتى. قالقاننى باش ئۈستىگە تۇتقان سەركەردە، پۇتاقلىق چويۇن چوماقنىڭ قاتتىق زەربىسىدىن ھوشىنى يوقىتىپ ئاتتىن يىقىلدى…
ئارقا — ئارقىدىن مەيدانغا كىرگەن ئىقبال تېگىننىڭ ئون نەچچە باتۇر سەركەردىسىگە ئەنە شۇنداق ھىيلە — مىكىر، قاراملىق بىلەن زەربە بېرىپ، ئەجەل شارابىنى ئىچۈرگەن مۆڭگۈز ئات ئوينىتىپ مەيداندىن چىققاندا، كەچ كىرمىگەن بولسىمۇ، زاۋال ۋاقىتتىكىدەك ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى.
خانتوي ئىچىدە كۆز تىكىپ تۇرغان بوزاغۇ شاپاشلاپ چىقىپ:
— بارىكاللا — بارىكاللا سۇباشى، جەڭگاھتىن سالامەت قايتىپ چىققانلىرىغا مۇبارەك! — دەپ خوشامەت قىلدى.
— ئوھۇي يۇغرۇش باشى، جەڭگاھتىن شەرمەندە بولماي چىققانلىقىمنى مۇبارەكلەپ، بۇغراخان ئالىيلىرى كەدۇت تەقدىم قىلغاندۇ؟ ھا — ھا — ھا… — مەسخىرە قىلىشقانچە ئاتتىن چۈشكەن مۆڭگۈز ئېگىلىپ تۇرغان بوزاغۇغا قاراپمۇ قويماي خانتويغا كىردى.
— بۇغراخان ئالىيلىرى، قېنىم قىزىپ ئىجازەت ئالمايلا جەڭگە كىرىپ كەتكىنىم ئۈچۈن كەچۈرگەيلا، — دېدى ئۇ بىر تىزىنى يەرگە قويۇپ.
— چاپاۋۇللارنىڭ سۇباشى، جەڭگاھتا جەۋلان قىلىپ، كۆڭلۈمنى ئەمىن تاپتۇردىڭىز. سىزگە ئاپىرىن، — ئىبراھىم تېگىن ئالتۇن ساپلىق قىلىچىنى ئۇنىڭغا تارتۇق قىلىپ، ئۆز
قولى بىلەن شاراب تۇتتى. — رەھمەت ئالىيلىرى، بۈگۈن بارسغان ئېلىكخانى بايبەگ ئىقبال تېگىنىڭ يۈرىكى مۆجۈلدى، سەرگەردە — باھادىرلىرىنى قورقۇنچ باستى. ئەتە پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شەھەرگە بېسىپ كىرىش تەكلىپىنى بېرىمەن. ئالدىدا مېنىڭ چاپائۇل قىسمىم يول ئېچىپ ماڭىدۇ. مۆڭسۈز ئالتۇن جامدىكى شارابنى ئىچىۋەتتى. — بەللى — بەللى! ئوبدان تەكلىپ بەردىڭىز. يوغروش بېشى قەيسەربەگنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن جەڭ مەيدانىغا كىرىپ قىلغان دەۋىتى ئىقبال تېگىننى ئېرىتەلمىدى. سىزنىڭ جەڭگاھنى لەرزىگە سېلىپ، كۆرسەتكەن ھەيۋىڭىزنىڭ ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۆجۈگىنى، قورقۇنچقا سېلىپ قويغىنى راست. مېنى خۇشال قىلىپ، يوغروش، سۇباشى، سانغۇنلىرىمنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ جاسارەت بەخش ئەتكىنىمۇ راست، مۆڭسۈزبەگ! شۇنداق بولسۇن، لەشكەرلىرىم ئەتە شەھەرگە باستۇرۇپ كىرسۇن، — ئىبراھىم تېگىن كۆزىنى مۆڭسۈزدىن ئېلىپ، ئۆزەر، سەركەردىلەرگە تىكتى، — پەرمان! ئەتە بارسغان شەھىرىگە بېسىپ كىرىڭلار. شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى دوقابەگكە تاپشۇرۇڭلار! — باش ئۈستىگە! — بوزاغو باشلىق ئۆزەر، سەركەردىلەر پەرمانبەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. — بۈگۈنكى غەلىبىنىڭ تەنتەنىسى ئۈچۈن يوغروش، سۇباشى، سانغۇنلارنى بەگ تەرىكىگە تەكلىپ قىلىمەن. لەشكەرلەرگىمۇ ئۆز ئورۇنلىرىدا تەرىكە① بېرىلسۇن، — دەپ ئەمىر قىلغان ئىبراھىم تېگىن تەختتىن چۈشۈپ، بەگ تەرىكىسى، كېڭەش ئۈچۈن ئالاھىدە تىكىلگەن كاتتا چۆۋاچ②قا قاراپ
① تەرىكە — زىياپەت. ② چۆۋاچ — خاقان چېدىرى.
ماڭدى.
زىياپەت يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلدى. ئاندىن سۇباشلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لەشكەرلەر ئۇيقىغا كىرىشتى.
ئەتىسى ئەڭ ئاۋۋال ئويغانغان مۆڭسۈز بولدى. ئۇ چېدىردىن چىقىپ، كۆتۈرۈلۈپ قالغان كۈنگە قارىدى: «بارسخاننىڭ ئاچقۇچىنى دوقابەگ ئەمەس، مەن تاپشۇرۇۋالىمەن. ئەي لات - مانات، ماڭا ئۆزۈڭ مەدەتكار» دەپ ئىلتىجا قىلدى ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ جەڭ مەيدانىغا قارىدى. بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمىدى. بارسخان ئېلىكخاننىڭ نە خانتويى، نە لەشكەرلىرىدىن ئەسەر يوق ئىدى. ئۇ يىلان كۆزلىرىنى چىڭچىيتىپ سەپالدى. كۈن نۇرى ياماشقان شەھەر سېپىلى كۆرۈندى. «ئېلىكخان لەشكەرلىرى بىلەن نەگە كەتكەندۇ؟» ئۇ گاڭگىراپ قېلىپ، ئىبراھىم تېكىن خانىشلىرى بىلەن تۇرىدىغان بارگاھى ھەرەمگە كەلدى. باش ئاغات:
— بۇغراخان ئائىلىرى تېخى قوپمىدى، — دېدى.
— قانداق ھاكاۋاتلىق خان بۇ! — مۆڭسۈز قولىنى شىلتەپ بوزاغۇنىڭ چېدىرىغا كەلدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئالدىغا چىقتى.
— يۇغرۇش بېشى، ئېلىكخان قوشۇنلىرى بىلەن غايىب بوپتۇ، قاراش، — دېدى تۈكلۈك قولى بىلەن بارسخان شەھىرىنى كۆرسىتىپ.
بوزاغۇ قوللىرىنى كۆزلۈك قىلىپ سەپالدى.
— ۋاھ! نېمە گەپ بۇ؟ ئۇلار شەھەرگە بېكىنىۋالغانمىدۇ ياكى قاچقانمىدۇ؟ مەن ئىبراھىم بۇغراخاننى خەۋەردار قىلاي. سىز يۇغرۇش، سۇباشلارنى خانتويغا يىغىڭ، كېڭىشىپ ھۇجۇمنى باشلايلى.
مۆڭسۈز تەرەپ - تەرەپكە چاپارمان ئەۋەتىپ، يۇغرۇش، سۇباشلارنى خانتويغا يىغدى. ئالاقزادە بولغان ئىبراھىم
تېگىنمۇ تەختكە چىقتى. جاندارلاربېشى بولغان ھوشۇربەگلا كەلمىدى. بۇ ھەممىلەنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. جاندارلارمۇ ئۆز باشلىقىنىڭ نەگە كەتكىنىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. — بۇغراخان ئالىيلىرى، ئەمدى قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. دەرھال بارسغان شەھەرگە بېسىپ كىرەيلى، — دېدى مۆڭگۈز. — بېسىپ كىرەيلى شاھىنشاھىم، — بوزاغۇ باشلىق ۋەزىر، سەرگەردىلەر مۆڭگۈزنى قوللاپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. — بېسىپ كىرىڭلار! — ئىبراھىم تېگىن ئاخىر ئەمىر قىلدى. ئۇنىڭ ئەس — يادى ھوشۇربەگدە قالغانىدى. «ئەجەب — ھە، ئۇ ماڭا ناھايىتى سادىق ئىدىغۇ؟ ئون — تۈنسىز غايىب بولۇشىدا نېمە سىر بار؟» دەپ ئورنىدىن تۇردى.
3
ئۇرۇشتا قان تۆكۈلۈش، يېڭىش — يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. يېڭىلگەنلىككە تەن بەرمىگەن، قوشۇنلىرىنى تېخىمۇ غەيرەت — جاسارەتكە ئىگە قىلىپ قايتۇرما زەربە بېرەلىگەن لەشكەرباشى غەلىبە قازانماي قالمايدۇ. بايسۇغ ئىنال تېگىن ئون ئۈچ سەرگەردىنىڭ مۆڭگۈز تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگىنىگە ناھايىتى ئېچىنغان بولسىمۇ، ئۈمىدسىزلەنمىگەنىدى. ئۇ يارىلانغان شىردەك غەزەپكە كەلدى. ئەتە جەڭگاھقا ئۆزى كىرىپ مۆڭگۈز بىلەن ئېلىشماقچى بولۇپ، سادىن ئەسكەرنى ئالدىغا چاقىردى. — ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئەمىرلىرىگە پەرىمانبەردارمەن، — دېدى خانتويغا كىرگەن سادىن ئەسكەر تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ. دىقماق، كۆكرىكى كەڭ، توقاچ يۈز كۈچلۈك بۇ ئادەمنىڭ قارا كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى. ئۇ ئوغۇزلاردىن بولۇپ، قەبىلىسى غەربكە كۆچكەندە، بۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغان چەۋەندازنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
— نېمە ئۈچۈن چاقىرغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ — سورىدى ئىقبال تېكىن.
— خانتويىغا كىرگەندىن كېيىن بىلدىم. ئالىيلىرىغا دۈشمەن تەرەپنىڭ سانغۇنلىرىدىن بىرى كېرەك بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
— تاپتىڭ. ماڭا ئىبراھىم تېكىننىڭ جاندارلار بېشى كېرەك.
— ئۇنى ئەكىلىپ ئۆزلىرىگە تاپشۇراي ئالىيلىرى.
— ئەكىلەلمىسەڭچۇ؟
— بوينۇم قىلدا باغلاقلىق.
— خوب، بۇ ئەمرىمنى تۈن تەك بولغۇچە ئورۇنلاپ بولغىن.
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، — سادىن ئەييار شارتتىدە ئۆرۈلۈپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.
ئىقبال تېكىن يۇغرۇش، سۇباشىلار بىلەن جىددىي كېڭەش ئۆتكۈزدى. ئۇ تەخت ئۈستىدىن تۇرۇپ دېدى:
— جاناپلار، جەڭ باشلاندى. بۈگۈن ئون ئۈچ باھادىر چەۋەندازىمىزدىن ئايرىلدۇق. ئەتە يەنە قانچە كىشىمىزدىن ئايرىلىمىز؟ بۇ تەڭرىگە مەلۇم. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىز ھەققانىيەت ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. ئېلىمىزنىڭ روناق تېپىشى، خەلقىمىزنىڭ تىنچ — ئامانلىقىنى قوغداپ، باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىمىز. قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز يوللۇق. بىزنىڭ تىلىكىمىز خانلىق ئەھلىنى قانخور سوۋىقەستچىلەرنىڭ زۇلمىدىن، ئىپلاس نەجىستىن قۇتۇلدۇرۇش. بىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز، يېڭىش ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرماسلىقىمىز، نۇسرەت قازىنىش ئىشەنچىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز، غەيرەت — جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشىمىز كېرەك. مەن ئەۋەتكەن مەكتۇپ توغرۇل قاراخان بۇغراغا تەگكەن ھامان لەشكەر باشلاپ كېلىدۇ. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخانمۇ بىللە كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، روھىمىزنى ئۈستۈن تۇتۇپ، ئەتەكى جەڭنى، ھەر قانچە شىددەتلىك، دەھشەتلىك
بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ياخشى قىلىشىمىز، دۈشمەنگە بوي ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. زىنھار قورقمايلى. قورقۇش — ئادەمنى ئىشەنچ — ئۈمىدتىن، ئىرادىسىدىن ئايرىيدىغان مۇدھىش تۇيغۇ. بۇ تۇيغۇ كىمنىڭ كۆڭلىنى ئىگىلىۋالسا، ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە، ئائىلىسىگە، ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا، ئەلگە زىيان يەتكۈزمەي قالمايدۇ. ئاسىيلىق، خائىنلىق، مۇناپىقلىق — قورقۇشنىڭ ئاقىۋىتى. مەن ئەتە بىرىنچى بولۇپ جەڭگە كىرىمەن،
بايىبەك ئىقبال تېگىن سۆزىنى تۈگىتىشى بىلەنلا:
— بىز قورقۇنچاق ئەمەس! قورقۇش بىز ئۈچۈن نومۇس! ئالىپ ئەرتۇڭا ئەۋلادى دۈشمەندىن قورقمايدۇ، — دەپ چۇقان سېلىشتى ۋەزىر، سۇباشىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ.
— ئەتە ئەتەنگە جەڭگە كىرىش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىڭلار. بۇ كېچە ياخشى ئارام ئېلىڭلار، — دېدى بايىبەك ئىقبال تېگىن.
يۇغرۇش، سۇباشلار خانتويدىن چىقىپ كېتىشتى. ئۇ تەختىدە يالغۇز قالدى. نامازشام، خۇپتەننى مەخسۇس تىكىلگەن چېدىر مەسچىتتە سەركەردىلەر بىلەن ئوقۇدى. خانىش، توقاللىرى ئوردا ھەرىمىدە قالغاچقا ئۇزاققىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى. ئاتىسى تۈمەنبەگ ئاخۇن كۆز ئالدىغا كېلىپ يۈرىكى ئېچىشتى. ئۇ ئاتىسىنىڭ قارا نىيەتلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. مېڭىش ئالدىدا بىللە كېتىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، «ئوغلۇم، مەن ئەزىز يۇرتۇم ئوردۇكەنتتىن ئايرىلالمايمەن. ئاتا — بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى مۇشۇ يەردە. ئۇرۇق — تۇغقانلىرىم بۇ يەردە ياشاۋاتىدۇ. قورال — سايمان ياسايدىغان نەچچە ئون دۇكان، نەچچە يۈز ھۈنەرۋەن شاگىرتلىرىم بار. مەن بولمىسام ئۇلارنىڭ ئىشى ئاقساپ قالىدۇ. ھەربىر ئىشقا بىر باش بولمىسا، ئۇ ئىش ئاقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا — بوۋىلىرىمدىن قالغان بىر خەزىنە بار. بۇ
خەزىنىنىڭ بار جايىنى مەن ۋە ئاپاڭدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ھەر دەقىقە ئۇ خەزىنە كۆز - قۇلاق بولۇپ مۇھاپىزەت قىلىشىم زۆرۈر. بۇ ئاجايىپ خەزىنىنى ساڭا كۆرسىتىپ ھەيران قالدۇرماقچى ئىدىم. بارسىغانغا بارىدىغان بولۇپ قالدۇق. ماقۇل، بېرىپ ئۆزۈڭنىمۇ، ئەقلىڭنىمۇ تاۋلاپ كەلگىن، ئاندىن كۆرسىتەي. مېنى بىللە بېرىشقا دەۋەت قىلما بالام» دەپ دۇئا بېرىپ، ئۆزى سوققان قىلىچ - قالقان، ئۈمۈت، نەيزىدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش قورالنى ئېتىغا غانجۇغىلاپ ئۆزاتقانىدى. ئانىسى «كۆز تەگمىسۇن» دەپ تۇمار ئېسىپ قويغانىدى.
بايىمۇ ئىنال تېگىننىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى: «دەرىخا - دەرىخا، ئۇ مېھرىبان ئاتامنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. قىساسىنى ئالماي قويمايمەن. ئۇ دېگەن خەزىنە قارا نىيەتلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ، يا پىنھاندا بارمىدۇ؟ تەڭرىم ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن…»
ئۇ شاھانە چېدىردىن چىقتى. غور - غور شامال يۈزىگە ئۇرۇلدى. ئىشىكتە تۇرغان قاراۋۇل ۋە ئەتراپنى كۆزىتىۋاتقان جاندارلار ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىشتى.
كېچە ئاسمىنى يۇلتۇزلار بىلەن تولغانىدى. يېقىلغان گۈلخانلار ۋە كۆزەتچى سىپاھلار كۆتۈرۈۋاتقان ئوتقاشلار ھەر ياندىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. «شەھەر خەلقى ئۇيقۇدا. ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزماقچى بولغانلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش زۆرۈر». ئۇنىڭ خىيالىغا بوۋاق قىزى كەلدى: «بۆشۈكتە ئۇخلاۋاتامدىكىن، يا ئانىسىنى ئېمىۋاتامدىكىن؟ ئىبراھىم تېگىن شەھەرگە بېسىپ كىرسە ئۇنى ساق قويمايدۇ. بارسىغان شەھىرىدىكى دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان بوۋاقلارغا نەيزە سانجىلىدۇ. ئانىلارنىڭ باغرى قان بولىدۇ. ئاتىلارنىڭ بېشىغا قىلىچ چېپىلىدۇ. رەستىلەردىكى دۇكانلار، ھۈنەرۋەن كاسىپلارنىڭ مال - مۈلكى، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى بولاق - تالاڭ قىلىنىدۇ. ھەممىدىن ئاۋۋال ئوردا، ھەرەم تالان - تاراج قىلىنىدۇ. ياق - ياق! بۇنىڭغا قەتئىي يول
قويغىلى بولمايدۇ. قان ئىچەر جاللاتنى بارسغان شەھىرىگە ئاياغ باستۇرماسلىق كېرەك…»
بايىبەك ئىقبال تەپكەن ئىختىيارسىز مۇشتۇملىرىنى تۈگدى. ئۇ شەھەر سېپىلىنى بويلاپ مۇستەھكەم توسۇق ھاسىل قىلغان قوشۇنلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ ھەممىلەكنىڭ پۇختا يېۋاتقانلىقىنى كۆردى. چېدىر ئالدىدا داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان لەشكەرلەرنىڭ يېنىغا كەلدى. ھەممىلەن دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى.
— ئولتۇرۇڭلار ئەزىمەتلەر. تارتىنماي تاماقلىرىڭنى يەۋېرىڭلار. مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە غىزالانماقچىمەن، — دەپ يۆكۈندى.
ئۇ قىپىنئاتىسى توغرۇل قاراخان بىلەن سۇباشى بولۇپ ئودۇلغا بارغاندىمۇ، قەشقەردە تۇرغاندىمۇ، دائىم لەشكەرلەر بىلەن بىللە تاماق يەيتتى. بۇ ئاق كۆڭۈل غەيۇر سەركەردىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان لەشكەر يوق ئىدى. ھۈسەيىن ئارسلانخانغا باش ۋەزىر بولۇپ بارسغانغا كەلگەندىن كېيىن مەنسەپدارلار بىلەن بولۇپ كېتىپ لەشكەرلەر بىلەن ئارىلىشالمىغانىدى…
ئۇ سىپاھلار بىلەن بىللە تاماق يېدى. بىر چاغدا يېنىغا قاراپ، تاماقنى يەپ بولغان ئوتتۇرا ياش لەشكەردىن سورىدى:
— سەن بارسغانلىقمۇ؟ — شۇنداق، ئالىيلىرى. — نۆكەر بولغىنىڭغا قانچە يىل بولدى؟ — يىگىرمە يىلدىن ئاشتى. — جەڭگە قاتناشتىڭمۇ؟ — ئۈچ قېتىم، ئالىيلىرى. — نۆكەرلىك ھاياتتىن بېزار بولمىدىڭمۇ؟ — ئەسلا، ئالىيلىرى. — نېمە ئۈچۈن؟ — قىلىچ، خەنجەرنى ئېسىپ يۈرۈسەم، ئۆزۈمنى يۈرەكلىك،
561
ئېلىپ ھېبس قىلىدىكەنمەن، ئالىيلىرى. ئۆمۈرۋايەت لەشكەر بولۇپ ئۆتۈكۈم بار.
— سەنچۇ؟ — دېدى ئېلىكخان ئۆزىگە كۆز سېلىپ ئولتۇرغان ياش لەشكەردىن، — نېمە ئۈچۈن نۆكەر بولدۇڭ؟
— مەن جەڭگە ھەۋەس قىلىمەن. شۇڭا نۆكەر بولغان، ئالىيلىرى.
— جەڭگە قاتناشتىڭمۇ؟
— ياق، تېخى جەڭگە كىرىپ باقمىدىم.
— بۈگۈن جەڭگە كىرگەنلەرنىڭ قانداق بولغىنىنى كۆردۈڭسەن؟
— كۆردۈم، ئالىيلىرى. ھەممىسى مۆھسۈزگە تەڭ كېلەلمەي ئارماندا ئۆلۈپ كەتتى.
— تازا قورقتىڭسەن؟
— قورقتۇم، ئالىيلىرى.
— ئەمدى جەڭگە كىرمەيدىكەنسەن — دە، شۇنداقمۇ؟
— ئۆلتۈرۈلسەممۇ بىر قېتىم جەڭگە كىرگۈم بار، ئالىيلىرى. بۇ ئىرادەمدىن يانمايمەن.
— نېمە ئۈچۈن؟ — ئىقبال تېگىن جىددىي سورىدى.
— مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن نۆكەر بولغان، ئالىيلىرى. نۆكەرنىڭ بۇرچى جان تىكىپ ۋەەتەننى قوغداش، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق، پادىشاھقا سادىق بولۇش.
لەشكەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بايبەگ ئىقبال تېگىننىڭ غەمكىن كۆڭلى ئاللىدە يورۇغاندەك بولدى. «بەرگەن قەسەمنى ئۇنتۇماپتۇ. تەربىيە سىڭىپتۇ. لەشكەرى نىزامغا ئەمەل قىلىش ئىرادىسى كۈچلۈك ئىكەن…»
ئۇ شۇ ئويغا كېلىپ، چاي ئىچىپ ئولتۇرۇشقان ئەسكەرلەرگە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قاراپ چىقىپ دېدى:
— نۆكەر دېگەن يۇرتنى، ۋەەتەننى، پادىشاھنى، خەلقنى، ئائىلىسىنى، ئۆزىنى قوغدىغۇچى دېگەن بولىدۇ. قوغدىغۇچى
بولغان ئادەم ھەممىدىن بۇرۇن يۈرەكلىك بولۇشى لازىم. قورقمىغان نۆكەر رەقىبىنى يېڭەلەيدۇ. قورققان چوقۇم يېڭىلىدۇ، يا ئەسىر چۈشىدۇ ياكى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ھەتتا خائىن، قاچقۇن بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
— مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن. يۇرتۇمنى، ئېلىخان ئالىيلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەتە چوقۇم جەڭگە كىرىمەن!
— مەن مۇڭغۇزدىن رۇسلانبەگنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمەن، ئالىيلىرى.
— ئەتە مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ جەڭگە كىرىشىمگە ئىجازەت قىلغايلا، ئالىيلىرى.
لەشكەرلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كۆڭلىدىكى تىلەكلىنى بىلدۈرۈشتى.
— ئەمدى يېتىپ ئۇخلاڭلار. ئەتە شىددەتلىك جەڭ بولىدۇ. ئارام ئېلىشقا ۋاقىت چىقماسلىقى مۇمكىن. تەڭرى سىلەرگە مەدەتكار بولسۇن، — دۈشمەننى يېڭىش ئىشەنچى كۈچەيگەن بايبەگ ئىنال تىگىن روھلىنىپ چېدىردىن چىقتى. توققۇز - ئون كۈنلۈك ئاي كۆك قەھرىدە پارلاپ تۇراتتى. ئەتراپ تىمىتاس. پەقەت قاراۋۇل، چارلىغۇچى ئەسكەرلەرنىڭ قەدەم تاۋۇشى، تۇرۇپ - تۇرۇپ ھۆۆلگەن بۆرۈنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بۇ سۈرلۈك جىمجىتلىقنى بۇزاتتى. «سادىن ئەييار ئىبراھىم تىگىن سىپاھىلىرى ئارىسىغا كىرەلىدىمىكىن؟ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى…» دەپ ئويلىدى ئۇ كېتىۋېتىپ.
ئىنال تىگىن شاھانە چېدىر ئالدىغا كېلىپ توختىدى. يېنىپ تۇرغان گۈلخان، ئوتقاشلار ئاخچامقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى. كۆزەت قىلىۋاتقان قاراۋۇللاردىن باشقا سىپاھلار ئۇخلاپ قېلىشقانىدى. ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، بارسغان شەھىرى تەرەپكە كۆز سالدى. يىراقتىن شەھەر دەرۋازىسى قارىيىپ كۆرۈندى. ئۇنىڭ بىردىن تويى بولغاندىن بۇيان ئايرىلىپ باقمىغان رەپىقىسىنى، بالىلىرىنى كۆرگۈسى كېلىپ كەتتى…
ئىنال تېگىننىڭ بەش بالىسى بار ئىدى. تۆتى ئوغۇل، كەنجىسى قىز ئىدى. ئارىلىق يىراق بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارالمايدىغانلىقى، شۇ تاپتا ئۇنى سېغىندۇرۇپ، ئاتىلىق مېھرىنى دولقۇنلاندۇرۇۋەتكەنىدى. ۋەزىرلىرى كەتكەن يۇرتلارغا كىرىپ كېتىشكە مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ جەڭگاھتا بولۇشۇم زۆرۈر، دەپ ئۇنىمىغانىدى.
ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئۆتتى. سادىن غەييار كەلمىدى، ئىنال تېگىن تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدى. ئۇياقتىن - بۇياققا بىرەر يۈز قېتىم ماڭدى.
خوراز بىرىنچى قېتىم چىللىغاندا، سادىن غەييار ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى. ئۇ پالاسقا يۆگەلگەن يوغاندەك بىر نەرسىنى ئېلىكخاننىڭ ئاياغ ئاستىغا قويدى.
— ئالىيلىرى، ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ جاندارلار باشىنى ئېلىپ كەلدىم.
— خانتويغا ئېلىپ كىر! — ئىنال تېگىن شاھانە چېدىرغا كىرىپ تەختتە ئولتۇردى.
سادىن غەييار پالاسنى چەرمۆتەكەن تاننى يېشىپ ئاچتى. چار ساقال، قوش ئېڭەك، پاكار، دوغىلاق ئادەم ئۈنسىز ياتاتتى. تەندىن تولۇق ئاقارغان بېشىدا ئوتۇغات قادالغان دۇبۇلغا، ئۇچىسىدا زەنجىر ساۋۇت، ئايىغىدا ئۆتۈك بولۇپ، ئۈستىگە قارا يوپۇق ئارتىلغانىدى. بېلىدىكى كۈمۈش توقۇلۇق كەمەرگە خەنجەر، قىلىچ ئېسىقلىق ئىدى.
— ئەمدى سۆزلە، ئالىپ ئەزىمەت، جاندارلار باشىنى قانداق قولغا چۈشۈردۈڭ؟
— بۇ قىزىق بولدى ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئادەملىرىدىن چىقىپ، قاراڭغۇ چۈشۈش بىلەن تەڭ ئىككى موللاق ئېتىپ، ئىبراھىم تېگىن لەشكەرلىرى ئارىسىغا كىرىۋالدىم. سىپاھلارنىڭ رەت - رەت تىكىلگەن چېدىردا ئىككىلىككە دىققەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ كۆپى دۇبۇلغا، زەنجىر ساۋۇت
كييىۋالغانىكەن. مەن بىر - بىرىگە مىنگىشىپ تۇرىدىغان بېلىق قاسرىقىسىمان تۆمۈر ساۋۇت كىيىۋاپتىكەنمەن. بېشىمدىكى دۇبۇلغىغا ئوتۇغات قادالغانىدىم. چىنىپ قالماي دەپ كەينىمگە يانماقچى بولدۇم. شۇ چاغدا ماڭا ئوخشاش كىيىنگەن بىر چەۋەندازنى كۆرۈپ قالدىم - دە توختىدىم. ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ يۈزبېشى، مىڭبېشى قاتارلىق سەردارلىرىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشراق كىيىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئورنىغا چۈشتى. ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدىم. تۈن ناھايىتى قاراڭغۇ ھەم سىپاھىلارنىڭ تولىسى چېدىرلىرىدا بولغاچقا، ماڭا ھېچكىم دىققەت قىلمىدى. چېدىرلارغا كۆز سېلىپ بىلدىمكى، سىپاھىلار زىياپەتتە ئىكەن. قوي گۆشى، قوش كاۋاپى يەپ قۇقا، مەيزاپ ئىچىشىپتۇ. ئايلىنىپ يۈرۈپ ئالاھىدە ياسالغان كاتتا شاھانە چېدىر ئالدىغا كېلىپ قالدىم. ئاستا - ئاستا يېقىنلاپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدىم. قارىسام ئىبراھىم تېگىن قاقاھلاپ كۈلۈپ ۋەزىر، سەرگەردىلەرنى شاراب ئىچىشكە ئۈندەۋاتقانىكەن. ئارقىسىدا جاندارلار بېشى ھوشۇربەگ قىلىچىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چاچ - ساقاللىرىغا ئاق كىرىپتۇ. مەن ئوردىكىنەتتە كۆرگىنىمگە قارىغاندا سەمىرىپ كېتىپتۇ، شاھىم، — سادىن ئەييار ئۆلۈكتەك تۆكۈلۈپ ياتقان ھوشۇربەگكە قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — يوغروش، سۇبېشى، سەركەردىلەر تازا ئىچىپ، مەست بولۇشۇپ ئالجاپقا سۆزلەپ تۇردى. مۆجۈسۈز «ئەتە مەن بارسغان ئېلىكخانى بايبەگ ئىنال تېگىننىڭ كاللىسىنى ئاليلىرىغا تەقدىم قىلىمەن» دەپ كۆرەڭلەپ پۇ ئاتتى. غەزەپ ئاچچىقىم كېلىپ خاقان چېدىرىغا كىردىم. مېنى سەركەردىلەرنىڭ بىرى دەپ قىلىشتى بولغاي، دىققەت قىلمىدى. بىر يوغروش جامنى تولدۇرۇپ ماڭا شاراب تۇتتى. مەنمۇ چاندۇرماي ئىچىۋەتتىم. بىر چاغدا ئىبراھىم بۇغراخان بىر جام شارابنى ھوشۇربەگكە ئۇزارتتى: «قولىڭىز تالغانىدۇ؟ قىلىچىڭىزنى قىنىغا سېلىۋېتىڭ. بۇ يەردە دۈشمەن
يوق» دەپ بىر قانچە جام شارابنى ئىچۈرۈۋەتتى. مەنمۇ چەتتە قالمىدىم. بەگ تەرىكىسى يېرىم كېچىدە تۈگىدى. ھوشۇربەگ جاندارلىرى بىلەن ئىبراھىم بۇغراخاننى خانىش، توقاللىرى تۇرىدىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويۇپ چىقتى. ئاندىن دەلدۈگۈنۈپ مېڭىپ ئۆز چېدىرىغا كىرىپ كەتتى. مەن ئەتراپنى كۆزەتتىم. سىپاھىلار چېدىرلىرىدا ئۇيقۇغا كەتكەندەك قىلاتتى. ھەتتا قاراۋۇللارمۇ كۆرۈنمەيتتى. غەپلەت باستى دېگەن شۇ - دە، ئالىيلىرى. مەن لېۋىمنى چىشلەپ كۈتۈشكە باشلىدىم. جاندارلار باشلىق چېدىرى ئىشىكىدە تۇرغان ياتاقلارمۇ ئولتۇرغانلىرىچە ئۇيقۇغا كەتتى. مەن ئۇلارغا بىھوش قىلىش دورىسىنى پۈركۈپ ھوشىدىن كەتكۈزدۈم. ئاندىن بوغۇزىغا خەنجەر ئوردۇم. چېدىرغا كىرسەم، ھوشۇربەگ خوتۇنى بىلەن چىمىلدىق① تا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. «ئاپلا، بۇ ئەبلەخمۇ خوتۇننى ئېلىپ كەتكەن ئەمەسمۇ. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟» دەپ ئويلاپ، بىھوش قىلىش دورىسىنى ھەر ئىككىسىگە پۇراتتىم. ئۇخلىغان پېتى ھوشلىرىدىن ئايرىلدى. مەن خوتۇننى يوتقانغا يۆگەپ قويۇپ، ئۆزىنى ئەييارلىق پالىسىغا بەند② قىلىپ ئېلىپ كەلدىم.
ئىنال تېگىننىڭ غەمكىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
— مەن ناھايىتى ئەنسىرىگەن ئىدىم. يارايسەن، ئەزىمەت ئىكەنسەن. ئەمدى دەرھال ھوشىغا كەلتۈر، ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىمەي كۆچمەن.
سادىن ئەييار بىر چېلەك مۇزدەك سۇ ئېلىپ كىردى - دە، ھوشۇربەگنىڭ بېشىغا شارىلدىتىپ قويدى. ھوشۇربەگ ئەندىكىپ كۆز ئېچىشقا، خانىوېنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ سەگىدەتتى. قاتتىق چۈشكۈرۈپ، ئوياق - بۇياققا قارىغان ھوشۇربەگ كۆزىنى ئىتتىك يۇمۇۋالدى. سادىن ئەييار يەنە سۇ قويدى. ئەندىكىپ،
① چىمىلدىق — ئۆي، ياكى چېدىر ئىچىدىكى ئايرىم ياتاق (ياتار جاي). ② بەند — قاماش، ئىسكەنجىگە ئېلىش.
تېنى جىغىلداپ قايتا كۆز ئاچقان ھوشۇربەگ بېشىدا قىلىچ يالىڭاچلاپ تۇرغان سادىن ئەييارنى كۆردى. چۈش كۆرۈۋاتقان ئوخشايمەن دەپ قېلىپ كۆزلىرىنى يەنە يۇمۇۋالدى. — قوپ ئورنۇڭدىن ئېشەك! — توۋلىدى سادىن ئەييار. — نېمە! سەن كىم، مەن قەيەردە؟ — ئۆندەرەپ ئورنىدىن تۇرغان ھوشۇربەگ ئەتراپىقا قاراپ، بونىڭ ئىبراھىم تېگىننىڭ بارگاھى ئەمەسلىكىنى بىلدى، ئۇنى قورقۇنچ باستى. — مەن بارسخان ئېلىكخانىنىڭ ئەييارى. بارگاھىڭدىن سېنى ئېلىپ كەلگەن مانا مەن! ھوشۇربەگ قورقۇپ تىزلاندى. — تۇر ئورنۇڭدىن! — سادىن ئەييار ھەم قورقۇپ ھەم توڭلاپ لاغىلداپ تىترەشكەن جاندارلار بېشىنى شام چىراغ، ئوتقاشلار يورۇتقان خانتويغا ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭ كۆزى قىلىچلىرىنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قاتار تۇرغان جاندارلارغا، ئاندىن ساۋۇت — دۇبۇلغا كىيىپ تەختتە ئولتۇرغان بايبەگ ئىنائەل تېگىنگە چۈشتى. ئۇنىڭ دۇبۇلىغىسىغا قادالغان ئالتۇن تاج ئوتقاشلار يورۇقىدا يالتىراپ، ھەريانغا جۇلا تاشلىغانىدى. ھوشۇربەگنى سۈر باستى. — ئېلىكخان ئالىيلىرى، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىلا، — دېدى ئۇ يەرگە باش قويۇپ. — بېشىڭنى كۆتۈر مۇناپىق! — خىتاب قىلدى غەزىپى ئۆرلىگەن ئىنائەل تېگىن، — سەن بېشىڭدىن — تاپىنىڭغىچە قان قەرزگە بوغۇلغان قاتىل، ئاسىي سەن. مەرھۇم بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ دەرۋازىۋەنلىرى بېگى تۇرۇپ، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ باستۇرۇپ كەلگەن لەشكەرلىرىگە ئوردۇكەنتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىپ، قانچىلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنىڭنى بىلمەمسەن؟ — مەن — مەن… ئازغان ئىكەنمەن، ئالىيلىرى، — ھوشۇربەگ دۇدۇقلاپ بېشىنى يەنە يەرگە قويدى.
— تۈپۈر! — ئىقبال تېگىن ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈردى، — دەسلەپ مەرھۇم بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخانغا، كېيىن مۇھەممەد ئارسلانخانغا ئاسىلىق قىلىپ ئوردا ئەھلىنى قىرغىن قىلىشقا قاتناشتىڭ. بوزاغۇ، ئىبراھىم تېگىنگە خىزمىتىڭ ياراپ، جاندارلار بېشى بولۇپسەن، قانداق مۇبارەكلىسەم بولار سېنى ھوشۇر قاۋان! — شاھىنشاھىم، خام سۈت ئەمگەن ئىنسانمەن، مېنى كەچۈرگەيلا. خىزمەتلىرىنى قىلىپ گۇناھىمنى يۇيىمەن، — دېدى ھوشۇربەگ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي. — خىزمىتىمنى قانداق قىلماقچىسەن؟ سېنى كەچۈرسەم، ماڭا ئاسىلىق قىلمامسەن، مۇناپىق؟ — زىنھار قىلمايمەن، ئالىيلىرى. ئىت، مۈشۈكلىرى بولۇپ خىزمەتلىرىنى قىلىمەن. ھازىردىن باشلاپ قانداق خىزمەتكە بۇيرۇسىلا بەجاندىل ئادا قىلىمەن. — ئەمسە ئېيت، ئىبراھىم بۇغراخان شەھىرىمىزگە قاچان بېسىپ كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ؟ — ئەتە ئەتەگەندە، ئالىيلىرى. — نېمە! ئەتە ئەتەگەندە دېمەسەن؟ — شۇنداق ئالىيلىرى، مۆچۈزۈبەگ دىۋانى ئارىز كېڭىشىدە ئاشۇ تەكلىپنى بەردى، ئىبراھىم بۇغراخان توغرا تېپىپ بارسغان شەھەرگە ئەتە ئەتەگەندە بېسىپ كىرىش توغرۇلۇق جىددىي پەرمان چۈشۈردى. — بۇ سۆزۈڭ يالغان بولۇپ قالسىچۇ؟ — چالما — كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسىلە، ئالىيلىرى. بۇ سۆزۈم راست. «قورقۇنچاقلىق — مۇناپىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتى. ئۇ قورققانلىقى ئۈچۈن ئاسىلىق، خائىنلىق قىلىدۇ. ئەڭ يېقىن دوست — بۇرادەرلىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. قورققانلىقى ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ، راستىمۇ سۆزلەيدۇ. نەپكە ئېرىشىش، ئۆزىنى
قۇتقۇزۇپ، باشقىلارنى ئورىغا ئىتتىرىش ئۈچۈن ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ. قورقۇنچاقلىق — ئادەملەر ئۈچۈن ئاپەت» دەپ ئويلىغان بايبەگ ئىنائال تېگىن، كوتۇۋال بېگىگە ھوشۇربەگنى شەھەرگە دەرھال ئېلىپ كىرىپ زىندانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى. يۇغرۇش، سۇباشلارنى خانتويىغا چاقىرتىپ، بارلىق لەشكەرلەرنىڭ ناماز بامداتتىن ئىلگىرى شەھەرگە كىرىپ بولۇشى توغرۇلۇق جىددىي پەرمان چۈشۈردى.
بارسغان شەھىرىنىڭ شمال، جەنۇب، غەرب، شەرق تەرەپتىكى دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ كەلگۈن سۇدەك تېزلىك بىلەن كىرگەن سىپاھلار سېپىل، كۆزىتىش مۇنارى، دەرۋازىلاردا مۇداپىئە توسۇقلىرىنى قۇرۇپ، شىددەتلىك جەڭگە تەييارلاندى.
بايبەگ ئىنائال تېگىن ۋەزىر، سۇباشى، جاندارلار بىلەن كۆزىتىش مۇنارىغا چىقىپ، ئىبراھىم تېگىن قوشۇنلىرىنى كۆزىتىشكە باشلىدى.
بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىلدى. قوشۇن ئونلىغان ئىمام — مەزىنلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۆۋەت بىلەن بامدات نامىزىنى ئۆتەپ بولدى. ئىبراھىم تېگىن قوشۇنلىرى تېخىچە ھەرىكەتكە كەلمىگەنىدى.
بايبەگ ئىنائال تېگىن «ھوشۇربەگنىڭ ئېيتقىنى يالغان ئوخشايدۇ» دەپ قېلىپ چاشكا ۋاقتىغىچە كۈتتى. شەپە بولمىغاندىن كېيىن كۆزىتىش مۇنارىدىن چۈشۈشكە تەييارلاندى.
دەل شۇ چاغدا ئىبراھىم تېگىن قوشۇنلىرى شەھەرگە قويۇندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى. ئالدىدا قىلىچ، ئوقيا-ياقلىرىنى ئوينىتىپ كېلىۋاتقانلار — موڭغۇزلارنىڭ چاپارمەنلىرى ئىدى.
— يادىن ئوق ئۈزۈڭلار. تاش بوران قىلىڭلار! ئىبراھىم تېگىن سىپاھلىرىنى سېپىلغا يېقىن كەلتۈرمەڭلار، قورغانلارغا يولاتماڭلار! — دەپ ئەمر قىلدى ئېلىكخان قولىنى تۆۋەنگە قارىتىپ سىلتەپ.
— يادىن ئوق ئۈزۈڭلار، تاش بوران قىلىڭلار! — بۇيرۇدى سۇباشى، سەركەردىلەرمۇ سېپىل ئۈستىدىن تۆۋەنگە كۆز سېلىپ.
سېپىل ئۈستىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بايبەگ ئىنائەت تېگىننىڭ قوشۇنلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن تەشكىللەنگەن پىداكار قىسىم يادىن ئوق ئۈزۈپ، سالغا بىلەن تاش ئېتىپ ئىبراھىم تېگىن سىپاھىلىرىنى شەھەر دەرۋازىسىغا يېقىن كەلتۈرمىدى.
مۆجۈزنىڭ قارام چاپائۇللىرى ئارقا — ئارقىدىن موللاق ئېتىپ ئاتلىرىدىن يىقىلدى. يا ئوقى تېگىپ يىقىلغان، سالغا بىلەن ئېتىلغان تاش تېگىپ كۆزلىرى قويۇلغان، بېشى يېرىلغانلار ئاز ئەمەس ئىدى. شوتىلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەن چاپائۇللارنى مۆلدۈردەك چۈشۈۋاتقان ئوق توسۇپ قويدى. ئۇلاردىن ھېچكىم سېپىل تۆۋىگە كېلەلمىدى.
يۈزلىگەن ئۆلۈك يارىدارلارنى قالدۇرۇپ، چاپائۇللىرىنى چېكىندۈرگەن مۆجۈز ئىبراھىم تېگىن، بوزاغۇللارنىڭ ئالدىدا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. ئۇ بىر ھۇجۇم بىلەنلا بارغان شەھەرنى ئېلىپ، ئۆزىنى ئېلىكخانلىققا تەيىنلەشكە ئىبراھىم بۇغراخاننى مەجبۇرلاش مەقسىتىگە يېتەلمەكچى ئىدى. بۇنداق قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەچكە، ناھايىتى ئەلەم بولدى. ئېلىكخان لەشكەرلىرىنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشىنىڭ سىرى يېشىلدى. ئۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئىبراھىم تېگىن ئالدىدا ھەممە گۇناھنى ھوشۇربەگكە ئارتىپ، ئۆزىنى ئاقلىدى:
— بۇغراخان ئالىيلىرى، ھوشۇربەگ ھەزرەتلىرىگە ئاسىلىق قىلىپ، ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىنائەت تېگىنگە بىلدۈرۈپ قويغاچقا، ئۇ سىپاھىلىرىنى شەھەرگە ئەكىرىپ كەتكەن ۋە قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويغان. شۇڭا، زەربىگە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدۇق. بۇنىڭدىن ھەرگىز مەيۈسلەنمەسلىك، مەن مۆجۈز بەگ ھاياتلا بولىدىكەنمەن،
ئۈمىدلىرىنى يەردە قويمايمەن. بارسغان قەلئەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىنائال تېگىن بىلەن ئاسىي ھوشۇربەگنى ئالدىلىرىدا قاتتىق جازالايمەن. كۆزلىرىنى ئويۇپ، تەنلىرىنى پارە - پارە قىلىۋېتىمەن!
- جاناپلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەيدىغان ئالىپ سانغۇن، - دەپ بىر چىقىۋالدى بوزاغۇ، - سىز دېگەن تەڭدىشى يوق سەركەردە. بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىم مەغلۇپ بولسىڭىزمۇ، ئۈچىنچى قېتىم نۇسرەت قازىنىالايسىز. مۆگۈزنىڭ چىرايى ناھايىتى سەت تۈس ئالدى. ئىبراھىم تېگىن:
- بۈگۈن ئەتىگەن ھۇجۇم قىلىپ شەھەرگە بېسىپ كىرىش تەكلىپىنى بەرمىگەن بولسىڭىز، ئالىپ سەركەردىلىرىمنى جەڭ مەيدانىدا جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئىنائال تېگىننىڭ يۈرىكىنى قېپىدىن چىقىرىۋەتكەن بولاتتىم، چاپاۋۇللار بېشى. ئون ئۈچ سەركەردىنى ئۆلتۈرۈپ، نەچچە يۈز چاپاۋۇلدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز، - دەپ ئۇنىڭ يارىسىغا تۇز سەپتى. «ئالدىرىماي تۇرۇش، بىر ئىنائال تېگىننىلا ئەمەس، بۇغراخان جەمەتىگە تەۋەللۇق بارلىق قاراخان، ئېلىكخانلارنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىمەن» دېدى مۆگۈز ئىچىدە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.
ئون سەكىزىنچى باب
ئوردۇكەنتكە بېسىپ كىرىش
1
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ھىجرىيە 450 - يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ① ئەتەگەندە، توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننى ئىككى تۈمەن لەشكەر بىلەن بارسغانغا يولغا سالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورخۇنبەگ، بۆرىبەگلەر سۇبېشى، ئەرتاتان، ئارسلانلار مىڭبېشى، سەركەردە بولۇپ بىللە ماڭدى. سۆزمەن، قىزىقچى كىشىلەرنى دوست تۇتىدىغان توغرۇل قاراخان قۇتلۇقبەگنىمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئېلىپ كەتتى.
ئىككى كۈن ئۆتۈپ، پەيشەنبە سەھەردە ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانمۇ ئىككى تۈمەن لەشكەر بىلەن ئاتلاندى. بەگىيۈسۈپ، ئېلىزادەبەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈپ كەتتى.
بۆۋىئايىشە ئاتىسى، ئېرى ۋە ئېلىخاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، قىز، چوكانلاردىن تەشكىللەنگەن ئەسكەرلەر قوشۇنىغا خانىش قىلىپخان بىلەن بىللە باش بولۇپ يولغا چىقتى.
بەگتۈرمۈش نائىب ئېلىخان ئەبۇ ئەھمەد چاغرى تېگىنگە جاندارلاربېشى، ئەربۇقا پەتەھدىن يۇغرۇش باشى بولۇپ بالاساغۇندا قېلىشتى.
بەگتۈرمۈشنىڭ ئاتىسى بەگىيۈسۈپ بىلەن قەشقەرگە بەكمۇ بارغۇسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل كۆرۈپ، بوۋا -
① مىلادىيە 1058 - يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
مۇداپىئەگە قاراش ئۈچۈن بالاساغۇندا قېلىشنى زۆرۈر تاپتى. نەۋرىسىنىڭ يېنىدا قالماقچى بولغىنىدىن ئەبۇ پۇتۇھ مەختۇم، ھاۋاخان ئاغىچا ناھايىتى خۇش بولدى. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئېلىكخانغا لەشكەر بولۇپ، بۇ يۈرۈشكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان يۈزدىن ئارتۇق شاگىرتىنى ئات - ياراغلىق قىلىپ لەشكەرگە قوشتى.
بالاساغۇن ئەھلى بۇ قېتىمقى ھەققىي يۈرۈشنى قوللاپ پەرھىزلىرى، بايلىقىنى ئۆز پادىشاھىدىن ئايمىدى. ھەتتا تۇل خوتۇنلارمۇ يىغقان - تۈككەننى يوللۇق تۇتتى…
ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان بەگىيۈسۈپنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، قوشۇنلىرىنى ناھايىتى تېز ماڭدۇرۇپ، بەش كۈنگە قالماي، چۇش مەھەللىدە بەدەلىغارت داۋانىغا يېتىپ كەلدى. تىمتاز داۋان باغرى ۋاراڭ - چۇرۇڭغا تولدى.
بىرىنچى بولۇپ ئاتتىن چۈشكەن بەگىيۈسۈپ تىزگىننى سۇلتانبەگكە بېرىپ، شىرىلداپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيىدە تاھارەت ئېلىپلا، بۈك - باراقسان چىنار دەرىخىگە قاراپ ماڭدى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان:
— بارلىق سىپاھىلار ئارام ئالسۇن، خانتوي تىكىلسۇن! — دەپ ئەمىر قىلدى.
بەگىيۈسۈپ مۇڭلۇق شىلدىرلاپ تۇرغان چىنارغا ئاستا يېقىنلاپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بالىلىرىمنىڭ غەمگۈزار مېھرىبان ئانىسى، ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپا — ساداقەتنىڭ ئۈلگىسى قەدىرلىك ھەمشىرەم، بىئارام بولماي، قورۇنماي تىنچ يېتىشىۋاتامسىلەر؟ ھەربىرىڭلارنى سېغىنىپ كەلدىم، — دېدى ئۇ غازاڭ باسقان قوش قەبرىگە كۆز سېلىپ، ئۇنىڭ ئاراملاپ ئاققان ياشلىرى قەبرىگە تامچىلىدى. قوللىرى بىلەن قەبرە تۆپىسىدىكى غازاڭلارنى سۈپۈرۈپ يەرگە چۈشۈردى.
ئاۋازسىز يۇم - يۇم يىغلىغان بۇۋايشەمۇ كېلىپ،
ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى چاڭ - توزانلارنى ياغلىقى بىلەن سۈرتتى. ئاقبىرا بىلەن قۇمبانىڭ روھى ئۇلارغا يوپراقلىرى سارغايغان چىنار شاخلىرى ئارىسىدىن غايىبانە نەزەر سالاتتى…
بەگىيۈسۈپ يۈكۈنۈپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «سۈرە ياسىن»نى قىرائەت قىلدى. ئەتراپ يەنە تىمىتاس بولۇپ كەتتى. خانىش قىلىچخان، ئېلىكخان، ئېلىزادەبەگلەرمۇ جىمجىت قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇشتى.
بەگىيۈسۈپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ تۇرۇۋىدى، داۋان باغرىدا ئاراك - چۆرۈك كۆتۈرۈلدى. ئېلىزادەبەگ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، سىپاھلار ئۆرتۈپە بولۇپ كەتكەن يەرگە باردى.
— نېمە گەپ؟ — سورىدى ئۇ بىر يۈزبېشىدىن.
— داۋاندىن چۈشكەن نىقابلىق قاراقچىلارنى تۇتۇۋالدۇق، — دېدى يۈزبېشى.
— قېنى ماڭا يول بېرىڭلار، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ كۆرەي، — ئېلىزادەبەگ سىپاھلارنى ئىككى يانغا ئىتتىرىپ ئالدىغا ئۆتتى. يۈزلىرىگە نىقاب تارتىلغان ئونبىرچە چەۋەندازنى قارائۇل، ياساۋۇللار قورشىۋالغانىدى.
— سىلەر نېمە ئادەم، قەيەردىن كەلدىڭلار، قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ — دەپ سورىدى ئۇ.
— سىلەرچۇ؟ قايسى جاھانگىر ① پاداشاھنىڭ لەشكەرلىرى، بارار مەنزىلىڭلار قايسى يۇرت؟ ئاۋۋال بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرسەڭلار، ئاندىن كىملىكىمىزنى بىلىسىلەر، — دېدى ساۋۇت - دۇبۇلغا كىيىپ، ئۇچىسىغا قىزىل يوپۇق ئارتىۋالغان يۈزىدە نىقابى بار بىر چەۋەنداز ئاق قاشقا تورۇقنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ.
چەۋەندازنىڭ زىل، نازۇك چىققان ئۈنىدىن ئەجەبلەنگەن ئېلىزادەبەگ:
① جاھانگىر — دۇنيانى ئۆز مۈلكىدە تۇتقۇچى.
— قايسى پادشاھنىڭ لەشكەرلىرى ئىكەنلىكىمىز بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. قەيەرگە كېتىۋاتقىنىمىزنى بىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى ھەم يوق! سوئالىمغا يەنە جاۋاب بەرمىسەڭلار، ئېتىڭلاردىن تارتىپ چۈشۈرۈپ، تۇغۇلغىنىڭلارغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىمىز. قېنى ئېيتىڭلار، سىلەر نېمە ئادەم زادى؟ — دەپ ئاچچىقلاندى.
ئاق قاشقا ئۈستىدىكى چەۋەنداز تۇرۇپ قېلىپ، ھەمراھلىرىغا بىر قارىۋالدى دە، سوغۇقلا جاۋاب بەردى:
— بىزنى پادشاھىڭلارنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىڭ. قەيەردىن كەلگىنىمىزنى، كىملىكىمىزنى پەقەت ئۇنىڭغىلا دەپ بېرىمىز.
ئىبلىزادەگنىڭ كۆڭۈل كۆزى ئۇلارنىڭ يامان ئادەملەر ئەمەسلىكىدىن ئەقىلگە بېشارەت بەردى.
— كەينىمدىن مېڭىڭلار! — دېدى ئۇ.
چەۋەنداز ئۇنىڭ كەينىدىن تىزگىنىنى تارتىپ تارتىپ ئېتىنى ئاستا ماڭدۇردى. چىنار دەرىخى كۆرۈنگەندە بىردىن ئېتىنى توختىتىپ يەرگە قەدەم باستى.
دۇئا قىلىپ بولۇپ قەبرىنى سىلاپ ئولتۇرغان بەگىيۈسۈپ ئۇنى كۆرگەندە نېمە ئۈچۈندۇر ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ تۇرۇپ كەتتى. «كىمدۇ بۇ؟ ئەجەب تونۇشتەك قىلىدۇ!…»
ئىبلىزادەگ ئۇلارنى كۆرسىتىپ ئېغىز ئاچقۇچە نىقابلىق چەۋەنداز بەگىيۈسۈپكە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈگۈنكىدەك ھەزرەتلىرى، ئامان تۇرۇپلا. پېقىر بۇ چۆل جەزىرىدە جاناپلىرىغا ئۇچراشتۇرغان تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن.
بەگىيۈسۈپنىڭ يۈرىكى زىڭقىدە قىلىپ قالدى. «شۇ، ئۆزى شۇ، ئەجەبا…»
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دىلداربەكە، مۇبارەك دىدارلىرىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قېلىۋاتىمەن، — ھاياجانلانغان بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ جاۋابەن سالام بەردى.
بېشىنى قەبرىدىن كۆتۈرگەن بوۋايىشە ئورنىدىن تۇرغىنىچە ئېتەك يۈرۈپ دىلداربەك بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە قولىدىن يېتىلەپ ئەلچى قىز - چوكانلار چېدىر تىكىۋاتقان چىمەنلىككە ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ھەيران بولغان دىلداربەك ۋە ھەمراھلىرى قەدەم قويدى. قىلىچخانمۇ تونۇدى. «بۇ ئاتاساغۇن خېنىمغۇ…» ئۇ ئېتەك ئورنىدىن قوپتى…
ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان، ئېلىزادەبەگ ۋە باشقا سۇباشىلار بەگىيۈسۈپكە ئەجەبلىنىپ قاراشتى.
— كىم بۇ بۈگۈ بەگ، ئايالدەك قىلىدۇغۇ؟ — دېدى ئېلىكخان.
— شۇنداق، ئالىيلىرى. بۇ ئاتاساغۇن دىلدار ئاغىچا خېنىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىكەن، — بەگىيۈسۈپ ئۇنى تونۇشتۇردى.
— ھە، بىلدىم! ئۆتكەندە قۇزغۇردۇغا كەلگەن ئاتاساغۇن قىز مۇشۇ ئىكەن — دە. چەۋەندازدەك ياسىنىۋالغىنىدا چوقۇم بىر گەپ بار، — ئېلىكخان سوئال نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى. بۇ قاراشتا «سۆزلىشىپ باقسىڭىز. بەلكىم بۇ ئاتاساغۇن خېنىم بىزنى پايدىلىق مەلۇمات بىلەن تەمىن ئېتەر» دېگەن مەنا بارلىقىنى سەزگەن بەگىيۈسۈپ بىر بېسىپ — ئىككى بېسىپ ئەلچى قىز - چوكانلارنىڭ يېنىغا باردى. ئۇلار چېدىر تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بەگىيۈسۈپنى كۆرگەن دىلداربەك ئورنىدىن قوپتى. ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى قارا نىقاب يوشۇرغانىدى.
يىللاردىن بېرى دىدارىنى بىر كۆرۈشكە مۇشتاق بولۇپ كەلگەن بەگىيۈسۈپ تۆمۈر دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيىپ، جەسۇر چەۋەندازغا ئايلىنىپ قالغان بۇ قىزنى ئۇچراتقاندا ۋۇجۇدى ئوت ئېلىپ كەتتى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىشتە، ئاقىبەتتە ئاشىق - مەشۇقنىڭ بارلىقى ئاساسىي سەۋەب بولغانىدى. بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئايال
زاتىغا ئاشىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ياقتۇرۇپ قېلىشى، كۆڭلى چۈشۈپ، شېرىن ئويلاردا بولۇشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. بەگىيۈسۈپنىڭ ئاشۇ نەۋقىران چېغىدا دىلداربىكەنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى راست ئىدى. ئاقبىلەك چىن قەلبىدىن مەپتۇن بولغان بۇ ئىپادار يىگىت ئۆنى قەلبىگە قانداقمۇ سىغدۇرسۇن؟! قەلبىدىن ئورۇن بەرمىگەن بولسىمۇ خىيال قەسرىدىن چىقىرىۋېتەلمىگەنىدى. ئاقبىلەك قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت بويتاق ئۆتۈشكە ئۆسرادە باغلىغانىدى، لېكىن بالاساغۇنغا بىللە كەلگەن دىلداربىكە، پەزىلىتى، نازاكىتى بىلەن ئۆنى مەيلىگە قويمىدى. ئاقبىلەك جاي تۇتقان دىل قەسرىنىڭ يېپىق ئىشىكىنى تىنمىي قېقىپ ئاچتۇردى. بەگىيۈسۈپ ھايات مەشۇقىگە ئاشىق بولدى. شۇڭا، تەقدىم قىلىنغان كىتابقا ئاشۇ ئۈچ جۈملە يۈرەك سۆزىنى يېزىپ قويغانىدى. بۇنى ئوقۇپ، يادلاپ ئۆمىد بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان قىز مانا بۇ قېتىم ئوشتۇمتۇت ئۇچرىشىپ قالغاندا بەگىيۈسۈپكە يەنە جامالىنى كۆرسەتمىدى… ھەتتا كېلىپ كۆرۈشۈپ يېنىدا ئولتۇرغان خانىش قىلىچخاندىن تارتىنىپ ئېغىزمۇ ئاچالمىدى. بۇنى سەزگەن بۇۋىئايىشە:
— ئاتامنىڭ سىلى بىلەن سۆزلەشكۈسى باردەك قىلىدۇ، ئابا، مەن خىلۋەترەك جايغا باشلاپ باراي، — دەپ كۈن نۇرى ئويناپ تۇرغان بۇلاق بويىغا ئۆلارنى ئېلىپ باردى. يوپراقلىرى تېخى سارغايمىغان مەجنۇنتاللار بۇلاققا سايە تاشلاپ يەلپۈنمەكتە. شاخ ئۇچىدا بىر بۇلبۇل چاڭىلداپ سايراۋاتاتتى…
ئارقىدىنراق كەلگەن بەگىيۈسۈپ ئۆلارنىڭ قارشىسىدا ئولتۇردى.
— مەن ئەمدى قىزلارنىڭ يېنىدىراق بولاي، ئاتا، — دەپ ئورنىدىن تۇرغان بۇۋىئايىشە ئۆتۈپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ ئېغىز ئاچقۇچە دىلداربىكە ئەھۋال سوراپ، ئاندىن دېدى:
— بۇۋىئايىشە خېنىم چىداملىق، غەيرەتلىك ئانا بولۇپ
يېتىشىپتۇ، بەگىيۈسۈپ، ئۇنىڭ نەرەسىدە بالىلىرىنى قويۇپ، ئەھمىچى قىز - چوكانلاردىن قوشۇن تەشكىللەپ، ئوردىكەنتكە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقانلىقى — ئۆز بۇرچىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنى ئادا قىلغان ئەلۆيەر ئانا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم. ئاتلىق ئەسكەرلىرى زاۋال تاپقاندىن مەمنۇن بولغانلا؟
— ئەلۋەتتە، بۇ قىزىم شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشەنجىمىدىن چىقالمىدىكى، ئۇ ھەرقانداق ئازاب - ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، سەۋرلىك، چىداملىق ۋاپادار بىلگە خاتۇننىڭ① تەربىيىسىگە ئىگە بولدى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش، — بەگىيۈسۈپ گەپنى ئەگىتىپ دىلداربىكەدىن ناھايىتى مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىككىلەنگەن شولىسى بۇلاق سۈيىدە گاھ يېقىنلاپ، گاھ يىراقلاپ، گاھ قوشۇلۇپ، گاھ يوقىلىپ كېتەتتى. ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇراتتى. ھەر ئىككىلەنگەن يەنە نېمە دېيىشنى بىلمەي قېلىشقانىدى. بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىمۇ بارغانسېرى يېقىملىق، مۇڭلۇق بولۇپ كەتتى. دىلداربىكە بەگىيۈسۈپكە سەپ سېلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن سوئال بارلىقىنى، سورىيالماي ئويغا چۆكۈپ ئولتۇرغىنىنى تۇيۇپ سۆزگە كىرىشتى:
— نېمە ئۈچۈن ئەتراپ يامان يامان پۇرايدۇ؟ ئاشقانلىقىمنى مۇشۇ تاپتا ھەممىلا نەرسىنىڭ بەلگىسى كېلىۋاتقاندۇ؟ بۇنى بۇرۇنراق ئېيتىپ بەرسۇن، دەپ تەڭرى بىزنى مۇشۇ يەردە ئۇچراشتۇرغان بولسا كېرەك، — ئۇ مۆڭسۈز بىلەن زىنداندا تونۇشقان ۋاقىتتىن باشلاپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ دېدى، — مۆڭسۈز دېگەن بۇ ئىككى پۇتلۇق ۋەھشىي ھايۋان ئىبراھىم تېگىننىڭ جاندارلاربېشى بولغاندىن بۇيان ناھايىتى
① بىلگە خاتۇن — دانىشمەن ئايال (مەلىكە). بۇ يەردە دىلداربىكەنى دېمەكچى.
كۆرىشىپ كەتتى. بىزنىڭ قورۇققا تولا كېلىدىغان بولدى. ھەر قېتىم كەلگەندە ئالتۇنغا ھېرىس بۇ ئەبلەخنىڭ ئالىقىنىغا تىللا سېلىپ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ يولغا سالدىم. ئۇ قاپۇقچى بېشى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاتا - ئانامغا مېنى سوراپ ئەلچى كىرگۈزدى. «ياق» دېسەك بۇ ياۋۇزنىڭ بېشىمىزغا چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ «ماقۇل» جاۋابىنى بەردۇق. توي كۈنىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئاتا - ئانام، ئاكام بەگتاش خېلىل بىلەن مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ، تارىقچى سىياقىدا ياسىنىپ ئوردۇكەنت دەرۋازىسىدىن سالامەت چىقىۋالدۇق. كېچىچە ئارتۇچ مەشھىدىگە بېرىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازارىنىڭ ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلىشىۋالدۇق. ئەتەسى بەگتاش خېلىل ئاكامنىڭ دۆتى، ئاتا - ئانامنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شاگىرتلىرىم، دىدەكلىرىمنى ئېلىپ يولغا چىققانىدۇم. ئون بەش كۈن يول يۈرۈپ، بەدەخشان داۋىنىدىن ئۆتۈپلا سىلەرگە ئۇچراپ قالدۇق. سىلى بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشىمنى زادىلا ئويلىمىغانىدۇم، — دىلداربىكە سۆزىنى توختاتتى، كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئۆكسۈپ كەتتى.
— نېمىشقا يىغلايلا، دىلداربىكە. بۇ قۇتلۇق ئۇچرىشىش بولدىغۇ؟! ماڭا نۇسرەتتىن بېشارەت بەركىلى كەلگەن پەرىشتىدەك كۆرۈنۈپ كەتتىلە. يىغلىماي شۈكۈر قىلىسلا. بۇ يەردە دىدار كۆرۈشۈپ قېلىشىمىز — تەقدىر، — بەگىيۈسۈپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئىككى يىلدىن بېرى ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ چۈشمىگەن بولسىمۇ، بۇ زېمىنىمىزدا كۈتمىگەن ئۆزگىرىشلەر، قانلىق پاجىئەلەر يۈز بەردى. ئاسىي قارا نىيەتلەر تەختنى ۋاقىتلىق تارتىۋالدى. ئەمما، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى سۆيگۈچى ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز، يىگىرمە تۆت ئۇرۇقتىن ئىبارەت مەملىكەت خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىنى سۆندۈرەلمىدى. ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان غۇرۇرىنى يوقىتالمىدى. بەندىلىك ئەركىنى، ئىنسانىي ھوقۇقنى تارتىۋالالمىدى. بىز يەنە شۇ ئاسىي قارا نىيەتلەرنى جازالاش
ئۈچۈن لەشكەر باشلاپ ئوردۇكەنتكە كېتىۋاتىمىز، دىلداربېكە. ئېيتسىلا، ئوردۇكەنتتە سىپاھلار كۆپمۇ؟
— ئاڭلىشىمغا قارىغاندا، ئىبراھىم تېگىن، بوزاغۇللار بارلىق سىپاھلارنى دېگۈدەك توققۇز تۇغ ئاستىغا توپلاپ بارسغانغا ئېلىپ كېتىپتۇ. جانقورغان، قورغان، دۆلەتباغ، ئوپالدىكى تورالار بوش قاپتۇ. پەقەت ئوردادا ياساۋۇل، قاراۋۇللىرى، تورغاق، ياتغاقلار، قورۇقلارنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى نۆكەرلەردىن ئىبارەت بىرنەچچە مىڭلا سىپاھ قاپتۇدەك. ئوردا ئىشلىرى قۇماربېكەنىڭ ئەمرى بىلەن بېجىرىلمەكتىپتۇ. پېقىرەنى غەزەپ تېپىپ تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئوردۇكەنتنى ئالا قويمۇي ئاقتۇرىدىغان بولغاچقا، تېز يولغا چىقىپ كېتىپ باشقا ئىشلاردىن خەۋەر تاپالمىدىم. يوقىرىدا ئېيتقانلىرىمنىڭ راستلىقىدا شەك يوق، كىشى قارا.
— بۈگۈ بىلگە، كىشى قارا، دەپ ئۇيقۇسىزلاندۇرۇپ قويۇۋاتىلا، دىلداربېكە. مەنمۇ ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، دەپ ئاتىمىغاندىن كېيىن، سىلىمۇ مېنىڭ ئېيتقىنىم ئاتاۋەرىسە خوش بولمەنمۇ ئەجەبمۇ؟ — بەگىيۈسۈپ كۆڭلىدىكىنى دەۋەتتى.
بۇرۇندىن سىلىپ گەپ قىلىدىغان بەگىيۈسۈپنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك، يېقىنچىلىق بىلەن «سىلى» دەپ ئاتىغىنىدىن ۋۇجۇدىغا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدىغان بىر ئىللىقلىق تارىغان دىلداربېكە سۈزۈك بۇلاق سۈيى بىلەن كۆز يېشىنى يۇيۇۋەتتى.
— بۇ جاھاندا ھەزرەتلىرىدىن ئارتۇق دانا پىكىر ئىگىسى يوق، دەپ بىلىدىغان بىر ناتىۋان قىز ئۈچۈن سىلى بۈگۈ بىلگە، كىشى قارا بولماسلىقلىرى مۇمكىنمۇ؟
ھەم سەمىمىيەت ھەم تەنە بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆز بەگىيۈسۈپنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ خىيال دۇنياسىدا يىگىرمە يىلدىن ئىبارەت ئۇزاق جەرياننى نەچچە قېتىم كېزىپ چىقتى. بىر يىل سۆزلەشسىمۇ يۈرەك سۆزلىرىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىلتىجا قىلغان تەرىزدە دېدى:
— مەن يەنىلا ئىسمىمنى ئاتاشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. پادىشاھ ئۈچۈنمۇ، پۇقرا ئۈچۈنمۇ، ئالىم ئۈچۈنمۇ، زالىم ئۈچۈنمۇ، باي ئۈچۈنمۇ، گاداي ئۈچۈنمۇ ئۆز ئىسمى ھەممىدىن قەدىرلىك ۋە ھەممىگە ئەزىزلىك قىلىدۇ.
— ماقۇل، بەگىيۈسۈپ، مەن بۇ ئىسىمنى يىگىرمە يىلدىن بېرى كۆڭلۈمدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.
— ئۆھ! … بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاقبىرا قازاقا يولۇققاندىن بۇيان يېرىم بولۇپ قالغان كۆڭلۈمنى پۈتۈن قىلدىلا. ئەمدى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان ھالدا ئوردۇكەنتكە ئاياغ باسىدىغان بولدۇم، دىلداربېكە. سىلى ماڭا غەيبىدىن بېشارەت بەردىلە، — دەپ ئورنىدىن تۇرغان بەگىيۈسۈپ كەتمەكچى بولدى.
— بارسىلا، ئېلىكخان سىلىنى كۈتۈپ قالدى. مەنمۇ ئېتىمنى ئارقىغا بۇرايدىغان بولدۇم.
بەگىيۈسۈپ مەمنۇنىيەت بىلەن بېشىنى ئەگدى — دە، بوستانلىق تۆپىلىككە ئاددىيلا قىلىپ تىكىلگەن خانتوي ئالدىغا كەلدى. ئىران گىلىمى ئۈستىگە سېلىنغان بۆرە تېرىسىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ئېلىكخان قىيا ئوچۇق ئىشىكتىن ئۇنى كۆرۈپ چاقىردى. بەگىيۈسۈپ كىرىپ، دىلداربېكەدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ:
— ئوردۇكەنتكە قانچە تېز يېتىپ بارساق، شۇنچە تېز نۇسرەت قازىنىمىز ئالىيلىرى، — دېدى.
— ئانداق بولسا ئەتە سەھەردىلا ئاتلىنايلى، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئۇنى تاماRulesقا تەكلىپ قىلدى.
بەھۇزۇر تاماقتىنىپ، ئوبدان ئارام ئالغان قوشۇن سەھەردىلا داۋانغا ياماشتى. كۈن داۋان تۆپىسىگە نۇر چاچقاندا، ئۇلارمۇ داۋان ئۈستىگە چىقتى.
ئېتىنى ئارقىغا بۇرىغان دىلداربېكە بۆشۈكئايشە، قىلىچخان بىلەن بىللە بەگىيۈسۈپكە ھەمراھ بولۇپ، ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلماقچى بولغىنىدىن ئۆزىنى سائادەت ۋادىسىغا كېتىپ
بارغاندەك ھېس قىلىپ روھلاندى. ئۆتكىنەكتىكى ئىشلارنى ئەسلىشىپ داۋاندىن چۈشكەندە تۇرسۇنبەگ ئاقساقال كۈتۈۋالدى. ئۇ دىلداربىكەنى كۆرۈپ:
— ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، ئارقىلىرىغا يېنىپلىغۇ؟ — دېدى ھەيران بولۇپ. ئۆزى داۋاندىن چۈشۈرۈپ قويۇپلا قايتىپ كەتكەچكە، ئۇنى خېلى يەرگە بېرىپ قالغاندۇ، دەپ ئويلىغانىدى.
— ئالدىمغا يەنە مېڭىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى تۇرسۇنبەگ ئاغا، ئەمدى ئوردىكەنتكە قايتىشىم زۆرۈر بولۇپ قالدى.
ئاقساقال بەگىيۈسۈپلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، دىلداربىكەنىڭ ئارقىسىغا بۇنچە تېز يانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدى.
— قارا نىيەت ئاسىيلارنى جازالاشقا بۇ ئوغۇللىرىممۇ قاتناشسۇن، بەگىيۈسۈپ ھەزرەتلىرى، — دەپ ئەللىك تۆگىگە ئارتىلغان ئاشلىق بىلەن ئىككى ئوغلىنى ئۇلارغا قوشۇپ قويدى.
ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان ئۆز قوشۇنلىرىنى ئۇچىتىپمۇ توختاتماي تېز ماڭدۇردى. ئۇ قەشقەرگە بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق يېتىپ بېرىپ، مەرھۇم ئاتىسىنىڭ روھىنى خوش قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
2
ئوردىنىڭ چار بېغىدىكى كۆلنىڭ بويىغا ياسالغان شاھ سۇپىدا، ئۈچ قات كۆرپىدە سوزۇلۇپ دۇم ياتقان قۇماربىكە مامۇق ياستۇققا باش قويغانىدى. بىر كېنىزەك ئىسسىق كۆز ئاپتىپى چۈشۈپ تۇرغان ئۇچىسىنى تۇتۇۋاتاتتى.
بېشىغا گۈلدار ياغلىق سېلىپ، ئىچكى ئاستىدىن چىقىۋالغان، قوشۇما قاش، بويىلوق كەلگەن كېنىزەك لەيلەتۈمگە چىقىپ قالغان بېلىقتەك سوزۇلۇپ ياتقان قۇماربىكەنىڭ تاپىنىدىن بېشىغىچە تولا تۇتۇپ، قوللىرى تالدىمۇ، سىلىكىپ - سىلىكىپ جىم بولۇپ قالدى.
— نېمە بولدۇڭ مەرەز! ئۇخلاپ قالمىغان بولساڭ سۆڭگۈچۈمنى ئۇۋۇلا. ئۇ يېرىم بەك ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. مۇنداق ئۇۋۇلا — ھە! ھە، شۇنداق ئۇۋۇلا! — ئالتۇن تارىم خوش يېقىۋاتامدۇ؟ يەنە قەيەرلەرنى ئۇۋۇلاپ قوياي؟ — ھە، ئەمدى تېقىملىرىمنى ئۇۋۇلاپ قوي. ئۈزۈكلىرىڭنى يۇمران تېنىمگە پاتۇرۇۋەتمىگىن جۇمۇ. ئاۋۋال بىر جام شاراب قويۇپ بەر. — باش ئۈستىگە، قونچۇي خېنىم، — كېنىزەك شاراب قويۇپ بېرىپ، قوللىرىدىكى كۈمۈش، ئالتۇن ئۈزۈكلەرنى ئېلىۋەتتى — دە، قۇماربىكەنىڭ تاشتىك ئۆيۈل، ئۆپكىدەك يۇمران يوتىسىنىڭ ئاستى — ئۈستىنى ئۇۋۇلاشقا تۇتۇندى. قوللىرى بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ، ئۇنىڭ نازۇك سەزگۈلىرىنى غىدىقلىدى. — ۋايجان! ئەجەب خوشياقتى. سەن بەك ئوبدان جۇمۇ ئاپىپقەم. قوللىرىڭ ھەم يۇمشاق ھەم ئوتلۇق. ھە — ھە، توختاپ قالماي ئۇۋۇلا، جايىنى تاپتىڭ، — دەپ تولغىنىپ ئوڭدا بولدى قۇماربىكە، — ئەمدى سىلاپ قوي، — ئۇ خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى ئوينىتاتتى. قىزىل مەخمەل جىلىتكىسىنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىۋەتتى. بىنەپشە رەڭ گۈللۈك يىپەك كۆڭلىكىنى كۆتۈرۈپ چوقچايغان كۆكسىنى كېنىزەككە تۇتقۇزۇپ قويدى. — قاق — قاق! — قارغىنىڭ سەت ئاۋازى ئاڭلاندى. — بۇ تولۇق قارغا ئەجەب كەيپىمنى ئۇچۇردى. مېنى قەسىرگە ئەكىرىپ قوي، — دېدى ئۇ كېنىزەكنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، — كۆزۈڭ ئاپتىپى نېمىدىگەن راھەت — ھە! — كىرىپ كەتسەكلا، خانىش ئالىيلىرى. قارغىنى مەن ئۇچۇرۇۋېتەي، — كېنىزەك قەسىر تېمىغا قونۇپ قاقىلداۋاتقان قارغىغا قاراپ قويدى.
— ئۆچۈرۈۋەتسەك يەنە كېلىدۇ. ئۇ شۇنداق مەرەز، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك، قارىقۇمچىقىم. مېنى كۆتۈرۈپ قەسىرمىگە ئېلىپ كىر، — قۇماربىكە ئۇنىڭ بېلىگە ئىككى پۇتى بىلەن چېمبەر سېلىۋالدى.
سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەن تەننى باغرىغا تانغان كېنىزەك ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەسىر پېشايۋانىغا دەسسەپ قويدى.
— يۈگۈر، يانى بىر ئوقى بىلەن ئېلىپ چىق!
— خۇپ، خانىش ئالىيلىرى.
كېنىزەك بىر تال ئوقى بىلەن يانى ئېلىپ چىقتى. قۇماربىكە بەتلەپ ئېتىشقا، قاغا ئۇچۇپ كەتتى.
— بۇ چاغقىچە ئاتقان ئوقۇمنىڭ بىرىمۇ زاۋە كەتمىگەندى. ئەجەب تەگمەي قالدى، ئوق بەر!
— بۇيرۇقلىرى بويىچە بىر تاللا ئېلىپ چىققاندىم، ئالتۇن تارىم.
— يەنە ئون تال ئېلىپ چىق!
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى.
كېنىزەك بىر باغلام ئوق ئېلىپ چىقتى.
قۇماربىكە يانى بەتلەپ ئارچا دەرىخىگە قونۇپ تۇرغان پاختەككە ئاتتى. پاختەك ئۇچۇپ كېتىپ، ئوقى شاخقا سانجىلىپ قالدى.
— يەنە بىر تال بەر!
— باش ئۈستىگە، — كېنىزەك ئوقنى سۇنۇپ بەردى.
قۇماربىكە قەسىر ئىشىكىنىڭ بالابېشىدىكى ئۇۋىسىدا بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان قارلىغاچقا قارىتىپ ئاتتى. باغرى قانغا بويالغان ئانا قارلىغاچ يەرگە پىرلاداپ چۈشتى. تېخى ئۆچۈرمە بولمىغان ئىككى بالىسىمۇ پوككىدە چۈشۈپ تىپىرلاپ جان بەردى.
— ئوق بەر!
— مانا ئالىيلىرى.
قۇماربەككە ئوقنى ئېلىپ، پېشانىۋان تۈۋرۈكىگە ئېسىپ قويغان قەپەستىكى شاتۇتقا ئاتتى. بىچارە قۇش قاناتلىرىنى پالاقتىپ - پالاقتىپ قونداقتىن يىقىلدى. قەپەس قانغا بويالدى.
ئۇ باشقا تۈۋرۈكلەرگە ئېسىپ قويۇلغان قەپەسلەردىكى تورغاي، تومۇچۇق، قارىغۇچىلارنىمۇ ئوق ئۈزۈپ ئۆلتۈردى.
— خانىش ئالىيلىرى، ئەمدى بولدى قىلسىلا. ئەتۋار قۇشلار ئۆلۈپ تۈگىسە، نېمە بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇلا؟ — كېنىزەك قۇماربەكنىڭ قولىدىن يانى تارتىۋالدى - دە، ئۇنى كۆتۈرۈپ خانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، مامۇق كۆرپىگە ياتقۇزدى.
— شاراب قويۇپ بەر!
كېنىزەك شاراب قويۇپ بەردى.
قۇماربەك ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قەدەھ ئىچىپ ئۇيقۇسىغا ياتتى.
— كىيىملىرىمنى سالدۇرۇۋەت!
كېنىزەك ئاۋۋال ئۇنىڭ جىلىتكىسىنى، ئاندىن كۆڭلىكىنى سالدۇردى.
— ئىشتىنىمنىمۇ سالدۇرغىن!
ئۇ شۇنداق قىلدى.
— سەنۇ يېپىن.
كېنىزەك يېپىندى. ئۇ ئايال ئەمەس، ئەر ئىدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن «ئەر كىشىمۇ كېنىزەك بولامدۇ؟» دەپ ھەيران بولماڭ. بىلمەكچى بولسىڭىز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئىبراھىم تېگىن بۇغرا قاراخان بولۇپ ئۈچ ئايغىچە نەپسىنى بېسىپ تاق ئۆتۈپ كەلگەن قۇماربەككە تۆتىنچى ئايغا قەدەم قويغاندا چىدىيالماي قالدى. ئويلا - ئويلا، ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان بىر تەدبىرنى ئىشقا ئاشۇردى: ئۇنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن قول بازارغا بارغان كېنىزەك توقۇش ئۈچ كۈنگىچە ئوردىغا قايتماي بىر ئەر قۇلنى تاللاپ سېتىۋالدى. ئۇنى ئايالچە
كىيىندۈرۈپ ھەرەمگە ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭ چېھرىگە كۆز سالغان قۇماربېككە ياراتمىغاندەك قىلىپ:
— ئۈچى ئاق، ياكى سېرىقى يوقمىكەن؟ — دەپ ئاچچىقلاندى.
— بار ئىكەن، ئالتۇن تەرىم، لېكىن بۇنىڭچىلىك تەمبەل، جۈرئەتلىك ئەمەس ئىكەن. نەچچە كۈن قۇل بازىرىنى ئارىلاپ تاللىغىنىم مۇشۇ بەدرەك بولدى. خىزمەتلىرىگە سېلىپ كۆرسىلە چوقۇم ياقىتۇرۇپ قالىلا. ئۇ ئۇيغۇرچىنى تولۇق بىلمەيدۇ. ئەرەبچە سۆزلەشكىلا.
«ھە، سىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ بېقىپتىكەنسەن — دە، جۆيلۈنمەك، بىلدىم…» دەپ ئويلىغان قۇماربېكە قولىنى شۇ ئاخشاملا خىزمەتكە سالدى ۋە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدى. ئەتىسى ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش كىيىمىنى سوۋغا قىلدى.
— رومالنى بېشىڭدىن ئالما. ساقال — بۇرۇتۇڭنى ھەر كۈنى سەھەر ئېلىشنى ئۇنتۇما، — ئۇنىڭ دەسلەپ قىلىپ دېگىنى ئەرەبچە مۇشۇ ئىككى جۈملە سۆز بولدى.
— ئەلۋەتتە، ئەمىرلىرىنى ئورۇنلايمەن، خانىش ئالتۇن تەرىم. ئالىيلىرىنى ھەرگىز خىجالەتچىلىكتە قويمايمەن، — دېدى ئۇ تەزىم قىلىپ.
قۇماربېكە ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك سوئال — جاۋاب بولدى:
— ئېتىڭ نېمە تايىپقىم؟
— سام، ئالىيلىرى.
— قايسى قەۋمدىن سەن؟
— ھەبەش قەۋمىدىن.
— يۇرتۇڭ نەدە؟
— مەغرىب تەرەپتە. مىسىرغا يېقىن، بۇ يەردىن بەك يىراق.
— ئۆيلەنگەنمۇ سەن.
— ئۆيلەنگەندىم، بىراق شۇ يىلى…
— نېمە بولدى، خوتۇنۇڭ ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ — سورىدى قۇماربېكە.
— ياق، خوتۇنۇم ئۆلۈپ كەتمىدى. ئۇ ئېغىرئاياق قالغانىدى خالاس…
— ئەمسە نېمە بولدى، ئۇنى قاراقچى ئېلىپ قاچتىمۇ يا؟ — يەنە ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
— خوتۇنۇمنى ئەمەس، قاراقچى مېنى ئېلىپ كەتتى. بەختىمنى نابۇت قىلدى، ئالتۇن تارىم.
— نېمە، قانداق بولۇپ قاراقچىغا ئۇچراپ قالدىڭ؟
— بۇ ھەم قىزىق ھەم ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتە، خانىش.
— سۆزلىگىن، سۆزلەۋەر، ئاڭلىغۇم بار.
سام قۇماربېكىنىڭ قوللىرىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ سەرگۈزەشتىسىنى باشلىدى:
— مېنىڭ ئاتام باي سودىگەر ئىدى. ھەر يىلى پەرەڭلەر مەملىكىتىگە بېرىپ مال ئېلىپ ساتاتتى. مېنى ئۆيلەپ قويغان يىلى ئاتام: «ئەمدى سەن چوڭ بولدۇڭ، كارۋانغا قېتىپ قوياي. رۇمدىن مال ئېلىپ كېلىپ دۇكان ئاچقىن. مۇستەقىل ھاياتىڭنى باشلا» دەپ كارۋانغا قوشۇپ قويدى. رۇمغا باردىم. كاتتا شەھەر ئىكەن. مال سېتىپ، مال ئېلىپ بىر ئاي تۇردۇم. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ رۇم گۈزەللىرى بىلەن بىللە ئوينىدۇم. مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئادەم ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنىمۇ بىلدىم. كارۋان يولغا چىقماقچى بولغاچقا، نائىلاج رۇمدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلدى. بولمىسا ھەممە مال — مۈلكۈمدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتىم. تاغار — قاپلارغا سىغماي قالغان مېلىمدەك، خۇشاللىقىممۇ ئىچىمگە سىغماي قالغانىدى. يول يۈرۈپ بىر ئاي بولغاندا قاراقچىلارغا ئۇچراپ قالدۇق. مال ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشتۇق. يېرىمىمىز ئۆلۈپ، يېرىمىمىز ئەسىر چۈشتۇق. قاراقچىلار ياشلارنى تاللىۋېلىپ، قېرىلارنى
ئۆلتۈرۈۋەتتى. باغداتقا ئېلىپ بېرىپ، بىردىن، ئىككىدىن سېتىشقا تۇتۇندى. مېنى يەنە ئىككىيلەن بىلەن بىر قۇل سودىگىرىگە ساتتى. ئۇ قەشقەرگە ئېلىپ كەلدى. ئىككى يىل باغ ۋە ئېتىز ئىشلىرىغا سېلىپ مانا بۇ يىل مېنى ئالىيلىرىنىڭ كېنىزەكلىكىگە سېتىپ بەردى. ئەمدى يەنە قانداق ئازاب - ئوقۇبەتكە قالار مەن، دەپ تەقدىرىمدىن ئەنسىرەپ تۇرسام، تەڭرى مېنى ئۆزلىرىگە ئۇچراشتۇردى، مەلىكەم. ئادەمنىڭ تەقدىرى ئاجايىپ بولىدىكەن. چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ئۆزۈم ئۆزۈمگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىمەن. ئەگەر مۇستەقىل ياشاشقا قەدەم قويمىغان بولسام، بۇنداق ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن ۋە ئالىيلىرىدەك نازىنىن مەلىكىنىڭ كېنىزەكلىكى بولالمىغان، راھەتكە چىقمىغان بولاتتىم.
قۇماربىكە قاقاھلاپ كۈلدى. ئۇ ئېرى ئۆلگەندىن بېرى بۇنداق كۈلمىگەنىدى. ئوغلى تەختكە چىققان كۈنىمۇ ئەندىشە - غەم بىلەن بولۇپ بۇنداق خۇشال بولمىغانىدى. ئۇ سامنىڭ قارامتۇل يۈزىدە پۆلتىيىپ تۇرغان لەۋلىرىنى شوراپ سۆيدى. ئەمدى ئونىڭغا بۇ قارا قۇل سەت كۆرۈنمىدى.
بۇ ۋاقىتچە ئۆزىنى پاك، نومۇسچان، ئالىيجاناب ھېسابلاپ كەلگەن قۇماربىكە كېنىزەك بولۇپ ھاجەتتىن چىقىۋاتقان بۇ ئەر قۇلنىڭ سېزىلىپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. شۇڭا، ئۇزاق يىللاردىن بېرى سادىقلىق بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان باش كېنىزەكى توقىشنى كېچىسى زەھەر قوشۇلغان شارابنى ئىچۈرۈپ، ئۆلۈكىنى كورپىدە ياتقۇزۇپ قويدى. ئەتىسى كۆز يېشى قىلىپ: «ئاپادار كېنىزەك ئۆلدى، ئۆمرى قىسقىلىق قىلىپ، كېتىپ قالدى» دەپ ھەسرەت چەككەن بولدى. ھېچكىم ئونىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ئېغىز ئاچالمىدى. توقىش شۇنداق ئۈن - تىنسىز كۆمۈپ قويۇلدى.
قۇماربىكە كېچىسى سام بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، كۈندۈزى پەزىلەتلىك، نازاكەتلىك ئالتۇن تارىم، تۈركەن خاتۇن
بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىغاندا، مۆڭسۈزنىڭ زورلۇق قىلىشىغا، تەھرىمنىڭ لەنتىگە ئۇچرىدى:
ئۇ كۈنى مۆڭسۈز دىلداربىكە بىلەن نىكاھلانماقچى بولۇپ، تويىدىنمۇ، ئاتىسىنىڭ قورۇسىدىنمۇ ئۇنى تاپالماي، تەلپىكى يەرگە چۈشكەن كۈن ئىدى. ئەلپازى بۇزۇلۇپ گۇگۇم ۋاقتىدا ئوردىغا يېنىپ كەلگەن بۇ جاللات ھەرەمگە قاراپ ماڭدى. كېنىزەكلىرنىڭ توسۇشىغا قارىماي، ئۇدۇل قۇماربىكەنىڭ خاس ھۇجرىسىغا كىردى ھەم مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كەلگىنىنى باھانە قىلىپ، مەيخۇرلۇق قىلىۋاتقان «كېنىزەك» سامنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتتى. ئىشىكنى تاقاپ كەلگۈچە ئۈچ جام شاراب ئىچىپ، زۇۋان سۈرمەي، غەزەپلىك ھېس قىلىپ ئولتۇرغان خانىشنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ، چۆچىنى باسقان سادەك باستى. قۇماربىكە بۇ ئەزا - ئاھانەت، خورلۇققا چىداپ «ۋاي…» دېيەلمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلەك - تامباللىرىنى تارتىقۇچلاشتۇرۇپ يىرتىپ سالدۇرۇۋەتكەن مۆڭسۈز كۆرسۈككە كىرگەن قانجۇققا ئارتىلغان ئىتتەك يېپىشتى. قىينالغان، ئازابلانغان قۇماربىكە غىڭ قىلالمدى…
مۆڭسۈز قانداق ئۆكتەملىك بىلەن كىرگەن بولسا، يەنە شۇنداق تەلۈلۈك بىلەن چىقىپ كەتتى. ئۇ دۇنيادا ئۆزىنى بىر چاغلايدىغان، بۇغرا قاراخانغىمۇ بوي بەرمىگەن بۇ خانىش ئابىنچۇ خاتۇننىڭ تىلىنى تۇتۇق قىلىپ قويغانىدى…
ئەتىسى مۆڭسۈز ئىبراھىم تېكىن، بوزاغۇ، دوقاقبەگلەر بىلەن توققۇز توغلۇق لەشكەرنى ئېلىپ، بارسغانغا يۈرۈپ كەتتى. ئەلەم ۋە خورلۇقتىن روھى چۈشكەن قۇماربىكە «مىجەزىم يوق» دەپ ئۇلارنى ئۇزىتىپمۇ قويالمىدى. ئۆلگۈدەك خورلاندى، ئازابلاندى. يىرتىلغان كىيىملىرىنى پارە - پارە بولۇپ تەرەت لاتىسى قىلدى. بىر ھەپتە ئورۇن تۇتۇپ ياتتى. شۇ كۈنلەردە سامنىمۇ يېنىغا كىرگۈزمىدى. كېيىن…
شەھۋەتخور ئادەملەر يۈز بەرگەن سەتچىلىكنى يوشۇرۇش
589
ئۈچۈن ئۆزىنى ھايالىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئولتۇرغان - قوپقان يېرىدە زىناخورلارنى ئەيىبلەيدۇ، سۆكىدۇ. بىر ھەپتە «ئاغرىپ ساقايغان» قۇماربەككە تولىمۇ تەقۋا بولۇپ كەتتى. مەرھۇمە توققۇزنىڭ ھازىسىنى تۇتۇپ بېشىدىن ئاق رومالنى ئالمىدى. ھازىلىق كىيىمىنى سالمىدى. ئەرلەرنىڭ چېھرىگە قارىماسلىقنى، ئەرلەر بىلەن سۆزلەشمەسلىكنى كېنىزەك - دېدەكلەرگە تاپىلاپ تۇردى. ئەممە، كېچىسى سامنى ھەمراھ قىلىپ يېتىۋەردى.
سام قۇماربەك بىلەن مۆھسۈز ئوتتۇرىسىدا ئۆتۈلگەن سەپەرچىلىكنى بىلگەن بولسىمۇ، بىلمەسلىككە سېلىپ ئۈن چىقمىدى. چۈنكى، ئۆزى بىلەنمۇ بۇ خانىش ئوتتۇرىسىدا كۈندە شۇنداق سەپەرچىلىك ئۆتۈلەتتى. پەقەت ئىختىيارلىق ۋە خالاش بىلەن بولغانلىقىدىلا پەرق بار ئىدى، خالاس.
ئوغلى ئىبراھىم تېگىن ئارسلانخان ئۇنۋانى بىلەن بۇغراخانلىق تەختىگە چىققاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا چاڭگال سېلىۋالغان قۇماربەككە يۆگۈرۈش، ھاجىپلارنىڭ ئۆز ئالدىغا خىزمەت بېجىرىشىگىمۇ يول قويماي كېلىۋاتاتتى. ھەتتا ئوغلى ئىبراھىم بۇغراخانمۇ ئۆزۈنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، يارلىق، پەرمانمۇ جاكارلىيالمايتتى. ئەمەلىيەتتە مەملىكەت خاقانى ئىبراھىم تېگىن ئەمەس، قۇماربەك ئىدى. مۇھەممەد ئارسلانخان، ھۈسەيىن ئارسلانخانلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئۇ پىلانلىغاندەك، بارسخانغا يۈرۈش قىلىشنىمۇ ئۇ پىلانلىغاندى. بارسخانغا دوقابەگنى ئېلىكخان قىلىش ئارقىلىق، بويسۇنمايۋاتقان جەمئىي ئارسلانخان، يابغۇلارنى ئۆزىگە تېز پۆكتۈرمەكچى ئىدى. شۇڭا، كېچە - كۈندۈز ئوغلىدىن خۇش خەۋەر كۈتۈپ، ھېرىمدىن سىيرىلمىدى. شىكار قىلىش ئۈچۈن ئاتۇش، ئوپالغىمۇ بارمىدى. ئۇ «كېنىزەك» سام بىلەن كۆڭۈل ئېچىپلا چەكلىنىپ، پۈتۈن ھىيلە - مىكىرنى ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشكە سەرپ ئېتىپ
كېلىۋاتاتتى. ئۇ سودىگەر، ھۈنەرۋەن - كاسىپلاردىن ئالىدىغان باج - سېلىقنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەنىدى. ئوردۇكەنتنى ئىچىگە ئالغان قەشقەر دىيارىغا قاراشلىق يېزا - قىشلاق، بازارلارنىڭ ئاھالىسى بولغان ھەربىر دېھقان ئائىلىسىگە سېلىقتىن باشقا يىگىرمە چارەك بۇغداي، گۈرۈچ، بىردىن قوي ئېلىشنى سالدى. ھەربىر كەنتكە ئوندىن ئاتلىق لەشكەرنى قورال - يارىغى بىلەن ئوردۇكەنتكە دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىش ئەمىر قىلىندى. بۇ ئارقىلىق لەشكەرى كۈچى ئاز قالغان پايتەختنى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدىن مۇداپىئە قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى ۋە ئىبراھىم بۇغراخانغا ياردەم بەرمەكچىدى. ئەمما، شەھەر، يېزا - قىشلاقلاردىكى نارازىلىق كۈچىيىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرى ئورۇنلانمىدى. مانا شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قۇماربېكە ئۈمىدسىزلەنگەن، روھى چۈشكەن ئوردا ئەمەلدارلىرىدا ئۈمىد پەيدا قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆزىنى بىر تونۇتۇپ قويۇش غەرىزىدە، دۆلەت تەكشۈرۈشچىسىنىڭ زىياپەت زالىدا كاتتا بەزمە ئۆتكۈزدى.
ئۇششۇق چۈشمىگەن كۈز ئەتەگەنلىكى يوپۇرماقلىرى سارغىيىشقا باشلىغان چىنار، مەجنۇنتاللار شىلدىرلاپ زىياپەت زالىنىڭ دېرىزىلىرىگە كۆلەڭگە تاشلاپ تۇراتتى. ھازىرلىق قارا كىيىم كىيگەن قۇماربېكە ئاق رومال ئۈستىدىن قارا پەنجە يېپىنىپ، قىرىق بىر كېنىزەك، خىزمەتكار، دەھلىزلەر بىلەن سۆر كۆرسىتىپ زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلگەندە، ۋەزىر، ھاجىپ، سەردارلار دۆرىدە ئورنىدىن تۇرۇشۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈشتى. ئۇ تەختكە چىقىپ، يۈزىگە تاشلىنىپ تۇرغان قارا چۈمبەل ئاستىدىن ھەممىلەنگە سەپىلىپ، ئاندىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
— جانابلار! — دېدى ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ۋەزىمىن ھالدا، — ئەزىز بالىلىرىمنىڭ باھادىر ئاتىسى مەرھۇم بۇغرا قاراخان مۇھەممەد ئارسلانخان ھەم ھۈسەيىن ئارسلانخان
ۋاپاتىدىن كېيىن مەملىكىتىمىزنىڭ تىنچىمىغىنى راست. بۇ ھال روھلارنى چۆشۈردى. كۆڭۈلۈكلەرنى يېرىم قىلدى. ئوغلۇم ئىبراهيم بۇغراخاننى ياش، تەجرىبىسىز كۆرۈپ، بويۇنتاۋلىق قىلغان، باج - سېلىقنى تاپشۇرمىغان، توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئېلىكخان، ئارسلانخان، يابغۇلارنىڭ ئۈستىگە جازا يۈرۈشى قىلىشنى مانا مەن تەشەببۇس قىلغان. قازىنىلغان غەلىبە بۇ تەشەببۇسۇمنىڭ توغرىلىقىنى پات يېقىندا ئىسپاتلايدۇ. ئاستانىمىزدىمۇ بىر قىسىم بۆگۈ بىلگە، بوغۇغلار ئالا كۆڭۈللۈك بىلەن كىشىلەرنى قۇترىتىپ زىندانغا تاشلاندى. بەزىلىرى قاچتى. ئاتاساغۇن دىلدار ئاغىچا ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۆگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ، ئەبۇ ھەسەن تېگىن، بايبەگ ئىنال تېگىنلار دارغا ئېسىلغان كۈنى دىلدار ئاغىچىمۇ چالما كېسەك قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن گۇمانلانماڭلار. سىلەر ئىبراهيم بۇغراخان ئوغلۇمنىڭ ساداقەتمەن تايانچلىرى، خانلىقىمىزنىڭ تۈۋرۈكى. بۈگۈن، ئاستانىدە قىلىپ ساداقەتلىك بىلەن خىزمىتىمدە بولۇۋاتقان يوغروش، ھاجىپ، سەركەردىلەرگە رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇلارنى تارتۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بەگ تەركىبىدە بەھۇزۇر يەپ - ئىچىڭلار، شاد - خۇرام بولۇڭلار. يۈرەك سۆزۈڭلار بىلەن مەلىكە ئاناڭلارنى خوش قىلىڭلار! — ئۇ شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى، — مەرھۇم ھەمراھىم مۇھەممەد ئارسلانخان ھايات بولسا، ھەربىرىڭلارنى ئۆز قولى بىلەن تارتۇقلايتتى، شاراب تۇتاتتى. جاھانغا تونۇلغان خاقان ئەمدى يوق. كۆڭۈل يېرىمچىلىقىدا ئۇنىڭ ئىشىنى مەن قىلماقچى بولۇۋاتىمەن. ئاھ! ئېسىت، جۇدالىق دەردىدە باغرى قان بولغان پېقىرەنىڭ يۈرىكى پارە - پارەدۇر. ھەرەمدىن چىقماي ئولتۇراي دېۋىدىم، يەنە بولمىدى. ئەل - يۇرتنىڭ ئامانلىقىنى، ئۆمەر - ئۆمەرا، سەركەردە - سىپاھلارغا باشچى زۆرۈرلۈكىنى ئويلاپ، ھازىدار تۇرۇپمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشنى زۆرۈر تاپتىم. قېنى داستىخانغا ئىلتىپات قىلغايسىلەر، — ئۇ قىزىرىپ پىشقان
شەرمىخانىنى ئوشتۇپ، ئېغىز تېگىپ بەردى، ئاندىن زىياپەت ئەھلى داستىخانغا قول ئۇزارتىشقا جۈرئەت قىلدى.
— تۈركەن خاتۇن ئالىيلىرى، ئەھلى يۇرتنىڭ سائادەتمەن ئانىسىدۇر. ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز!
— تۈركەن خاتۇن دۇئاسىدىن مەملىكىتىمىز ئاباد، ياۋلار بەربات بولغاي، — دېيىشتى يۇغرۇش، ھاجىپلار.
يەپ - ئىچىش باشلاندى. نەغمىچىلەر، ساتار، تەمبۇر، داپ، نەيلىرىنى ئەۋجگە كۆتۈرۈپ چېلىپ، زىياپەت ئەھلىگە ھۇزۇر بەخش ئەتتى.
خۇمرا - كوزىلاردا كەلتۈرۈلگەن شارابلار ئېچىلىپ تۈگىدى. پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىنغان بوتلاق، موزاي، قوزا، ئوغلانلار، دۆملەپ پىشۇرۇلغان ئۆردەك، قىرغاۋۇل بۆدۈنىلەر شۇنچە يېيىلگەن بولسىمۇ ئېشىپ قالدى.
— تارتۇقلار ئېلىپ كېلىنسۇن، ئاغچى ئولۇغى! — ئەمىر قىلدى تەختتە كېرىلىپ ئولتۇرغان قۇماربېكە ئالدىغا قويۇلغان قوزىنىڭ كاللىسىدىن كۆز گۆشىنى ئويۇپ يەپ.
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، — ئاغچى ئولۇغى تەييارلاپ قويۇلغان تارتۇقلارنى ئېلىپ كىرگىلى چىقىپ كەتتى.
قۇماربېكە خوشامەت قىلىپ ئېگىلگەن، كۈلۈمسىرىگەن ئوردا ئەمەلدارلىرىغا باش لىڭشىتىپ، شاراب ئىچىشكە تەكلىپ قىلاتتى. پەردە ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان جامالىنى باشقىلار كۆرەلمىگەن بىلەن ئۇ ھەممىنى كۆرۈپ، روھىي ھالەتلىرىدىن كۆڭۈللىرىدىكىنى بىلىپ تۇراتتى.
ئاغچى ئولۇغى چىنە، پەتنۇسلارغا ئېلىنغان تارتۇقلارنى خىزمەتكارلارغا كۆتۈرتۈپ كىردى. كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا تاقالدى.
قۇماربېكە تارتۇقلىماقچى بولغان يۇغرۇش، ھاجىپ، سەرگەردىلەرگە زەر ياقىلىق كىمخاب تون، تىللا، تەڭگىلەرنى بەرمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى.
— ئەييۇھەنناس! ئاگاھ، ھوشيار بولۇڭلار. ئوردۇكەنتكە يىغا كەلدى! — دەپ يۈگۈرۈپ كىرگەن ياساۋۇل تەخت ئالدىغا كېلىپ تېزلاندى، — ئى ئالەم خاتۇنلىرىنىڭ شاھىنشاھى، يىگىرمە تۆت ئۇرۇقنىڭ خان ئانىسى! نۇرغۇن لەشكەر شەھەر سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ چۈشتى. دەرۋازىۋەنلەر بېگى ئالىيلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى!
قۇماربىكەنىڭ چىرايى تاتىرىپ، ۋۇجۇدىغا تىترەك ئۇلاشتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ تارتۇقلارنى ئوردا ئەربابلىرىغا تەقدىم قىلغان بولدى.
— قوۋۇقلار مەھكەم تاقالسۇن! بارلىق سىپاھلار سېپىلغا چىقىپ جەڭگە تەييارلانسۇن! — دەپ ئەمىر قىلدى ئۇ پاتپىراق بولۇپ كەتكەن ئوردا ئەمەلدارلىرىغا.
3
ئىنسان دۇنيادا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا بىلىپ كېتەلمەيدۇ. پىلانلانغان، نىشانلانغان ئىشلارنىڭ ئارزۇ قىلغاندەك بولۇشىمۇ، بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئىش كۈتمىگەن نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىشىمۇ، ئاياغلاشماي نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن. قەشقەرنى ئېلىش جېڭى بولسا كۈتكەندىنمۇ ئۇتۇشلۇق بولدى. ئەمما، تۇتۇشقا تېگىشلىك بەتنىيەتلەر قولغا چۈشمەي، بەگىيۈسۈپ يەنە بىر قېتىم ئەلەمىدە قالدى…
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ لەشكەرلىرى چاشكا ۋاقتىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالى دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئاتلىرىدىن چۈشۈپ، تۈمەن دەرياسىنى بويلاپ چېدىر، بارگاھ ياسىدى. ئوتتۇرىغا ھەيۋەتلىك قىلىپ خانتۇي تىكتى.
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئوردۇكەنتكە دەرھال بېسىپ كىرىشكە سىپاھلارغا ئەمىر قىلغايلا، — دېدى خانتۇيغا ئالدىراپ
كىرىپ، تەخت ئالدىغا كەلگەن خانىش قىلىپخان.
— مەن نامەرد پادىشاھلاردىن ئەمەس، خانىش، مەلىكۇل مەشرىقنىڭ نەۋرىسى مەن. تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىش — نامەردلەرنىڭ ئىشى. مەن ئاۋۋال قۇماربەكەنى ئەل بولۇشقا ئۈندىمەكچىمەن. ئۇ ئەل بولمىسا، قائىدە بويىچە جەڭنى باشلايمەن. بارگاھلىرىغا چىقىپ ئارام ئېلىپ تۇرغايلا.
ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان خانىش تۇرۇپ قېلىپ، خاپا بولغان ھالدا خانتويىدىن ئېتتىك چىقىپ كەتتى.
— بەگىيۈسۈپ قۇماربەكەگە قارىتىپ بىر مەكتۇپ پۈتۈڭ. ئۆزۈم يوللاپ بېرەي، — ئېلىكخان ئۆتۈنۈش نەزىرىنى ئونىڭغا تىكتى.
— خوب ئالىيلىرى! — بەگىيۈسۈپ پۈتۈكچى ئەكىلىپ بەرگەن بىر پارچە ئاق چوتا① غا تۆۋەندىكىلەرنى يازدى.
«ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
خانىش قۇماربەكە، مەن ۋەدەڭگە ئەمەل قىلىپ يېتىپ كەلدىم. باش ئېگىپ ئالدىمغا چىقسىڭىز ئامان قالىسىز. قارشىلىق قىلسىڭىز قىساس خەنجىرى قارا يۈرىكىڭىزگە قادىلىدۇ. گەپ تامام ۋەسسالام.
بالاساغۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانى، ۋەلىئەھدى ئەبۇ ئەلى ھارۇن ھەسەن ئارسلانخان بىننى بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان بىننى مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇغراخان.
ھىجرىيە 450 — يىلى زۇلھەججىنىڭ 3 — كۈنى② جۈمە»
بەگىيۈسۈپ يېزىپ بولۇپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا سۇنۇپ بەردى. ئۇ ئوقۇپ چىقىپ تەختتىن چۈشتى. ئاندىن بەگىيۈسۈپ باشلىق ۋەزىر، ھاجىپ، سەرگەردىلەر بىلەن
① چوتا — ئاق پاختا يىپتىن توقۇلغان سىپتا رەخت. ② مىلادىيە 1058 — يىلى 9 — ، 10 — ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
خانتويدىن چىقتى. ئۇ: — ياراغدار! — دەپ توۋلىدى. — لەببەي ئالىيلىرى! — جەڭ قوراللىرىنى ساقلايدىغان ئەسكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. — مەن ئىشلىتىدىغان يانى ئېلىپ كەل! — خۇپ ئالىيلىرى، — ئۇ ياراغ ساقلىنىدىغان ئامبار چېدىردىن يا ۋە بىر باغلام ئوق ئېلىپ چىقتى. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان يانى قولىغا ئالدى: — ماڭا يا ئوقىدىن بېرىڭ. ياراغدار بەردى. ئۇ يانى بەتلەپ باشاقسىز ئوقنى قەشقەر سېپىلىغا قارىتىپ ئاتتى. غۇژژىدە ئۇچۇپ بارغان ئوق سېپىل ئۈستىدىكى لەشكەرنىڭ قالقىنىغا تېگىپ قاڭقىپ يەرگە چۈشتى. — بارىكاللا — بارىكاللا! يادىن ئوق ئۈزۈشتە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ، دېسە ئىشەنمەپتىكەنمەن. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم. مەن ئاتقان بولسام سېپىل تۈۋىگىمۇ بارمايتتى، — دېدى بەگىيۈسۈپ زوقلانغان ھالدا. — ئېلىزادەگىمۇ يادىن ئوق ئۈزۈشتە مەندىن قېلىشمايدۇ، ئۇ تەڭداشسىز مەرگەن ھەم قىلىچۋاز. — مەن بۇ كۈيۆئوغلۇمنىڭ يادىن ئوق ئۈزۈپ، ئۈزۈك كۆزدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، قىلىچ ئۇرۇپ رەقىبىنىڭ قولىنى ئۈزۈپ تاشلىغىنىنى تېخى كۆرمىدىم. كۆرگىنىم ئۇنىڭ ناھايىتى يىراققىچە نەرسىلەرنىمۇ ئېنىق قىلالايدىغانلىقى، كۆزىنىڭ ھەممىدىن ئۆتكۈرلۈكى. بۇنىڭغا قاراپ مەرگەنلىكىگىمۇ ئىشىنىپ باغلانغىنىم راست، ئالىيلىرى. — ئۇنداق بولسا ئېلىزادەگ ماھارىتىنى بىر كۆرسىتىپ قويسا بولغۇدەك، — دېدى كۈلۈمسىرىگەن ئېلىكخان ئۇنىڭغا قاراپ، — قېنى سېپىل ئۈستىدىكى ناغۇ نەققارەگە قارىتىپ
① نەققارە — ناغرا (جەڭ دۇمبىقى). 596
ئوق ئۈزۈلدى.
ئېلىزادەگ قۇلىغا يانى ئالدى. باشاقلىق ئوق بىلەن بەتلەپ ئاتتى. ئوق ئۇچۇپ بېرىپ ناغرىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا سانجىلىپ قالدى.
— مانا كۆردىڭىزمۇ بەگىيۈسۈپ؟! سۇباشى جەڭگە چاقىرىپ چالىدىغان نەقارىنى كاردىن چىقاردى. قارىغاندا جەڭ بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.
— كۆرەلمىدىم، ئالىيلىرى، سېپىلدىن باشقا نەرسىنى كۆرەلمەيۋاتىمەن، — بەگىيۈسۈپ راست ئېيتتى.
— تولا ئوقۇپ، تولا يېزىپ كۆزىڭىز خىرەلىشىپ قالغان گەپ. بۇنى ئەيىب ساناشلى بولمايدۇ. سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولساممۇ، كۆرەلمەيتتىم.
— تەڭرى بىر بەندىگە بىر خىسلەتنى، يەنە بىر بەندىگە يەنە بىر خىسلەتنى بەرگەن. بىرىدىن ئارتۇق قىلسا بىرىدىن كەم قىلغان، ئالىيلىرى. بىر ئادەمنىڭ بىر ئىشقا ماھىر بولۇپ يەنە بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاجىز كېلىشى — تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىندۇر…
ئۇلار سۆزلىشىپ تۇراتتى، سېپىلدىن ئېتىلغان يا ئوقى تۆت — بەش قەدەم نېرىغا قادالغان توغقا تېگىپ يەرگە چۈشتى. بىر ياساۋۇل يا ئوقىغا يۆگەلگەن لاتىنى ئېلىپ كېلىپ ئېلىكخانغا سۇنۇپ بەردى، ئېلىپ ئاچتى. ئۇنىڭغا:
«ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن، سەن نامەردلىك قىلىپ، لەشكەرسىز قالغان ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كەپسەن. ئەقلىڭ بولسا، كەينىڭگە يانماي باش ئېگىپ ئالدىمغا كەل. سېنى جازالىماي، مەرتىۋەڭنىمۇ چۈشۈرمەي. ماڭا سادىق ئېلىكخان بولۇپ بالاساغۇن تەختىدە ئولتۇرۇۋەر. مۇبادا ئەل بولۇشنى خالىمىساڭ چىچىمنى سەرتمان قىلىپ سېنى دارغا ئاسىمەن!
بۇغرا قاراخاننىڭ خانىشى ئالتۇن تارىم تۈركەن خاتۇن قۇماربېكە» دەپ يېزىلغانىدى.
— جەڭ دۇمبىقى چېلىنسۇن! مەيدانغا كىرىدىغان ئالىپ تەييارلانسۇن! — دەپ ئەمىر قىلدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان نامىنى ئاياغ ئاستىغا تاشلاپ.
تەخت خانتوي ئالدىغا ئورنىتىلدى. جاندارلار ئىككى ياندا سەپراس بولدى. ئوڭ يېنىدىن بەگىيۈسۈپ باشلىق ۋەزىر، ھاجىپ، لەشكەرى كازىلار ئورۇن ئالدى، سول يېنىدىن سۇباشى سانغۇنلار، سەرگەردىلەر جاي تۇتتى.
ناغرا — سۇناي، بۇرغا — كاناي چېلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، دۇبۇلغا — ساۋۇت كىيىپ يۈزىگە نىقاب تارتقان بىر چەۋەنداز تەختتە ئولتۇرغان ئېلىكخاندىن رۇخسەت ئېلىپ جەڭگاھقا يۈزلەندى.
— ئالىيلىرى، بۇ چەۋەندازنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟ — سورىدى بەگىيۈسۈپ.
— ھايىل بېشىدىن بىرسى بولسا كېرەك. ئىسمىنى سورىماپتىمەن ھاجىپ، — خىيالچان جاۋاب بەردى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان، ئات چاپتۇرۇپ جەڭگە ماڭغان چەۋەندازغا كۆز سېلىپ.
— ئۇ ھايىل بېشى ئەمەس، خانىش كۈمۈش تەرىم قىلىچخان.
— خانىش؟ ماۋۇ بىخەستەلىكىمنى قاراق. ئۇنى دەرھال جەڭگاھتىن قايتۇرۇپ چىقىش كېرەك!
— يوقسۇ، ئالىيلىرى. يولۋاس ئىزىدىن قايتمايدۇ. ئۇ قۇماربەككە ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچىلا ئەمەس، بەلكى بىر ۋاپاسىز قانخورغا جەڭ ئېلان قىلماقچى، قىساس ئالماقچى. ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ مەدەت بېرىش كېرەك!
ئېلىكخان بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ سۈكۈت قىلدى. ئۇ جەڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ، نەزىرىنى جەڭگاھقا تىكتى.
قولىغا قىلىچ ئالغان قىلىچخان ئات چاپتۇرۇپ مەيداننى ئىككى ئايلاندى. لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشقا قارشى تەرەپتىن ئادەم چىقمىدى. شەھەر دەرۋازىسىمۇ ئېچىلمىدى.
— ئەييۇھەنناس! ئوردۇكەنتلىك ئامۇ خاس! ئېشىتمىدىم دېمەڭلار، مەندۇرمەن مەرھۇم بۇغرا قاراخان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خانىشى كۈمۈش تارىم قىلىچخان، جاھان ئاياللىرىنىڭ قەدرىنى تۆككۈچى، يۈزىنى چۈشۈرگۈچى، بېھايا، بېھايا داپشاق، ئېرىنىڭ قاتىلى، زاماننىڭ زالىمى، ھازازۇل، بىشەم، پىتنىچى مەككار قۇماربىكەنىڭ زۇلمىدىن ئاھ چەككەن ئوردۇكەنت ئاھالىسىنى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ھارۇن ئارسلانخان سىپاھىلىرى بىلەن بىللە كەلدىم. مۇبارىز ① سىتەمكار ② ئابىنچۇ خاتۇننى جەڭگە چاقىرىمەن. قورقسا ئەل بولۇپ ئالدىمدا تىزلىنىپ تىزلىسۇن. قورقمىسا قىلىچ كۆتۈرۈپ جەڭگاھقا كىرسۇن! — دەپ نەرە تارتىپ چوقان سالدى.
باشتىن - ئاياغ تۆمۈر ساۋۇت كىيىپ، يۈزىگە سىم تور تارتقان قۇماربىكە ئاچچىقلانغىنىدىن تىترەپ كەتتى. سېپىل ئۈستىدە تۇرالماي يەرگە چۈشۈپ قارا بويۇن ئاق قاشقا تورۇققا مىندى. دەرۋازىنى ئاچتۇرۇپ، جەڭگاھتا جەۋلان قىلىپ تۇرغان خانىش قىلىچخانغا قاراپ چاپتى.
— سەن نېمانچە ۋالاقشىيسەن تېگى پەس قانجۇق! خاتۇنلار ئىچىدىن چىققان ۋاپاسىز قاچقۇن. ھەي ئېسەت، شۇ چاغدا قېچىپ كەتمىگەن بولساڭ، تەرەت لاتامنى يۇيۇپ كۈن كەچۈرگەن بولاتتىڭ. بىر كۈنى كېلىمەن، دەپ قالدۇرغان خېتىڭگە ئەمەل قىلىپ كەلگىنىڭمۇ بۇ؟ ئەمدى ساڭا رەھىم قىلمايمەن جۇمباق. نىجىس تېنىڭنى پارە - پارە قىلىپ لالما ئىتلارغا تاشلاپ بېرىمەن. قېنى باتۇر بولساڭ قىلىچىڭنى چاپ! — دېدى قۇماربىكە ئۇنىڭ ئالدىدا توختاپ.
① مۇبارىز — رەقىب بولۇپ جەڭگە كىرگۈچى. ② سىتەمكار — زۇلۇم قىلغۇچى.
— تونۇدۇڭمۇ يالماۋۇز كەمپىر. مانا مەن گېپىمدە تۇرۇپ كەلدىم. نۆۋەت سېنىڭ بولسۇن، ماھارىتىڭنى كۆرۈپ باقاي! قېنى بېزىرىپ تۇرماي ئويۇنۇڭنى ئوينا! — قىلىچخان ئېتىنى چاپچىتىپ، سەگەكلىك بىلەن كۆز سالدى.
قىلىچخاننىڭ «كەمپىر» دېگىنى قۇماربىكەنىڭ جان - تېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ نۆۋەتنى قىلىچخانغا بېرىپ ئۇنى سىناپ باقماقچىدى. قىلىچخاننىڭ كەمسىتىپ قىلغان تاپا - تەنەلىرىگە چىدىماي، قىلىچنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ چاپتى. قىلىچخان ئېتىنى دەرھال بۇراپ چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى. ھاۋانى كېسىپ چۈشكەن قىلىچ يەرگە تەگدى. ھەرقاچان قىلىچ ئۇرۇپ، خاتا تەگكۈزمىگەن قۇماربىكە رەقىبىنىڭ بوش كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
— ئەمدى نۆۋەت سېنىڭ قىزچاق، قېنى تېپىرلاپ باق! — دېدى ئۇ زەھەرخەندىلىك بىلەن.
قىلىچخان تىزگىن سىيرىپ جىم تۇرمايۋاتقان ئېتىنى بىر چاپچىتىپ قۇماربىكەنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇردى. «چاك» قىلىپ قالقانغا تەگكەن قىلىچ بېسىدىن زەررەك ئۇچقۇن چاچرىدى.
— نۆۋەتنى يەنە ساڭا بەردىم. ئارماندا قالما كۆندۈشۈم، — قۇماربىكە تىزگىننى تارتىپ تۇرۇپ، ئۇنى كۆزگە ئىلمىغاندەك ھىجايدى.
— يوقسۇ ئابىنچۇ خاتۇن. نۆۋەت سېنىڭ، مېنى كۆزگە ئىلمىيۋاتامسەن نېمە؟ قېنى قىلىچىڭنى چاپ!
قۇماربىكە قىلىچنى قىنىغا سېلىپ، تېقىمىغا باسورۇقلوق ئومۇتنى ئالدى. ئۇنىڭ ئاچچىققا تولغان كۆزلىرىدىن كۆكۈچ نۇر چاقناپ، چىرايى سۈرلۈك قىلىۋەتتى. ھەرقاچان قان تۆكمەپچى بولسا، ئەنە شۇنداق قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى. يىگىرمە يىلدىن بېرى مەشىق قىلىپ ھايات - ماماتلىق جەڭگە تەييارلىق قىلغان قۇماربىكە ئومۇتنى باش ئۈستىدە ئايلاندۇرۇپ - ئايلاندۇرۇپ، قىلىچخاننىڭ چىكىسىگە كۈچ بىلەن
ئوردى. كۆز ئالدى قارائىغۇلاشقان خانىش ئاسمان پىرقىرىغاندەك بولۇپ ئاتتىن ئۈچۈپ چۈشتى. قۇماربىكە ئونىڭ دۇبۇلغىسى چۈشۈپ كەتكەن يالاڭ بېشىغا، تاغىقىغا، باغرىغا ئارقا - ئارقىدىن ئومۇت ئوردى. ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، خەنجىرىنى سوغاردى - دە، قىلىچخانىنى بوغۇزلىدى. ئېتىلىپ چىققان قان باش - يۈزىگە چاچرىدى. ئۇ قىلىچنى سەكرەپ - سەكرەپ مىدىرلاۋاتقان كاللىنىڭ بوغۇزىغا سانجىپ ئېگىز كۆتۈردى. خانىشنىڭ گۈزەل چىرايى ئاقىرىپ، يوغاندىن ئېچىلغان كۆزلىرى نۇرسىزلىنىپ قېتىپ قالغانىدى. توپىغا مىلىنەنگەن تېنى قويدەك پۇت ئېتىپ تىپىرلاپ - مىدىرلاپ جىمىپ قالدى…
سېپىل ئۈستىدە تۇرغان قۇماربىكىنىڭ سىپاھىلىرى، كېنىزەك، جاندارلىرى:
— ئاپىرىن تۈركەن خاتۇن①! — دەپ ۋارقىراشتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ سىپاھىلىرى:
— ئابىنچۇ خاتۇنغا ئۆلۈم! — دەپ چۇقان كۆتۈردى.
— بەتبەخت! — دەپ تىترەتتى ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن بەگىيۈسۈپ.
ئەرگە - ئەر، ئايالغا - ئايال تاقابىل تۇرۇش جەڭگاھنىڭ بۇزغىلى بولمايدىغان قائىدىسى ئىدى. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا، بەگىيۈسۈپ جەڭگە كىرگەن، قۇماربىكىدىن ئونىڭ قىساسىنى ئالغان بولاتتى. ئۇ غەزىپى ئاچچىقىنى باسالماي تۇرغاندا، ئەلچى ئاياللار قوشۇنىدىن يۈزىگە نىقاب تارتىپ، ساۋۇت - دۇبۇلغا كىيگەن بىر چەۋەنداز ئات چاپتۇرۇپ، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ ئالدىغا كەلدى:
— ئېلىكخان ئائىلىسى، خانىش ئائىلىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن جەڭگە كىرىشكە رۇخسەت قىلغايلا!
بەگىيۈسۈپنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى. ئۇ قىزى
① تۈركەن خاتۇن — ھۆكۈمدار مەلىكە.
بۆۋىئايىشەنى ئۆنىدىن تونۇغانىدى.
— ئىجازەت! — ئېبلىكخان باش لىڭشىتتى. ئۇ بەگىيۈسۈپكە قاراپ، — خانىش قىلىچخاننىڭ ئۆلۈمىگە ناھايىتى ئېچىنىۋاتىمەن. ئۇ قىساس ئېلىش ئارزۇسىغا يېتەلمەي ئارماندا كەتتى، — دېدى يۈرىكى ئېچىشىپ.
— شۇنداق ئالىيلىرى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بەك ئېچىنىشلىق بولدى. قۇماربەككە رەھىمسىزلىكتە مۆجىزە قان ئىچەر جاللاتتىن قېلىشمايدىكەن. جەڭگە كىرىپ مەرھۇمەنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئىرادىسىگە كەلگەنىدىم. ئەمما، ئەر كىشى ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ ئاھانەت قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. ئەستاغپۇرۇللا! …
بەگىيۈسۈپنىڭ بۇنداق ئاچچىقلىنىپ غەزەپلىنىشى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. ئۇ:
— بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى، مەنۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. ئۆزۈمچە بولغاندا جەڭ نىزامىنى بۇزۇپ، قۇماربەككەنى باغلاپ ئېلىپ كېلىشكە، ئالىپ يىگىتلەرنى ئەۋەتكەن بولاتتىم، ئەمما جەڭ نىزامىغا خىلاپلىق قىلسام بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، خانىش قىلىچخاننىڭ قىساسىنى ئالمىغۇچە جەڭگاھتىن قايتماسلىقىمىز لازىم! — دېدى تەسەللى بېرىپ.
بەگىيۈسۈپ ئۈن چىقمىدى. ئۇ شۇ تاپتا بۆۋىئايىشەدىن ئەنسىرەپ قالغانىدى. كۆزى ئات چاپچىتىپ، قىلىچ ئوينىتىپ قۇماربەك بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان قىزىدا ئىدى. بىر چاغدا بۆۋىئايىشەنىڭ ئېتى تېزلىنىپ قېلىپ يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ كەتتى.
— بەگىيۈسۈپ ئايال چەۋەندازنىڭ ئېتى يارىلىنىپتۇ. قاراق بوينىدىن قان ئېقىۋاتىدۇ، — دېدى تەختتىن تۇرۇپ كەتكەن ئېبلىكخان.
— ئوچۇق كۆرەلمەيۋاتىمەن، ئالىيلىرى. ئىجازەت قىلغايلا، — بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان ھالدا بويۇنداپ قارىدى.
— ئىجازەت!
بەگىيۈسۈپ سۇلتانبەگ ئېلىپ كەلگەن چىلان تورۇقنى ئېپچىللاپ يېتىلەپ بېرىپ مىندى. ئات ئۈستىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ جەڭگاھقا نەزەر سالدى:
بۆرتەئايىشە تىزلىرى پۈكۈلۈپ يىقىلىشقا يۈزلەنگەن ئاتتىن سەكرەپ يەرگە چۈشۈۋالدى. بوينىغا قۇماربىكەنىڭ قىلىچى تەگكەن جەھەتتىن قان سىرقىپ يىقىلدى.
— رەھىم قىلغىنىمنى بىلگەيسەن بۈگۈ بىلگەنىڭ قىزى. جەڭگە كىرىپ كىملىكىڭنى بىلدۈرمىگەن بولساڭ، ئېتىڭنىڭ ئورنىدا سەن قانغا مىلىنىپ ياتاتتىڭ. ئەمدى قىساس ئېلىش نىيىتىڭدىن يان. ياش، چىرايلىق ئىكەنسەن، كېنىزەك قىلىۋالاي!
قۇماربىكەنىڭ كۆرەڭلەپ قىلغان بۇ سۆزى بۆرتەئايىشەنىڭ يۈرەك يارىسنى تۇز سەپكەندەك ئېچىشتۇرۇۋەتتى. لېكىن، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ دېدى:
— ئۇخلاپ چۈشەكۆرمە ئابىنچۇ خوتۇن. سەن غالىبلىقنى بۇيرۇپ، يول توسۇپ ئانامنى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكىنىڭدىلا ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئالۋاستى ئىكەنلىكىڭ ئەھلى ۋەتەنگە ئايان بولغانىدى. ئۆزۈڭنى تېخى رەھىمدىل ھېسابلاۋاتامسەن؟ ھازىر نۆۋەت مېنىڭ. بۇ قىلىچىم نىجىس تېنىڭنى پارە-پارە قىلىشتىن بۇرۇن، خانىش قىلىچخانىنىڭ جەسىتىنى بارگاھىمىزغا تاپشۇرۇپ قويۇپ كېتەي. ئۇنىڭ قېنىغا ئېپلاس قېنىڭنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن. جەڭگاھنىڭ نىزامىنى بىلىدىغانسەن؟
قۇماربىكە توپىغا مىلىنىپ ياتقان خانىشنىڭ تېنى ۋە ئۆزى يىراققا تاشلىۋەتكەن بېشىغا كۆز يۈگۈرتۈپ قاقاھلاپ كۈلدى.
— مەن تېخى جەڭگاھ نىزامىنى بىلمەمدىكەن دېسەم، بىلىدىكەنسەن بۈگۈ بىلگە قىزى. ماقۇل، تاپشۇرۇپ قويۇپ، كەلمەي قالما. بىراق، بۇ ئەسكەرنى ئېلىكخان بىلەن ئاتاققا يەتكۈزۈپ قوي: شەھەرگە بېسىپ كىرىمىز، دەپ خىيال
ئەيلىمىسۇن!
بۆرتەئايىشە ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرمەي، خانىش قىلىچخانىنىڭ قانغا مىلىنگەن بېشىنى تېنى يېنىغا ئېلىپ كەلدى. ئۆزىنىڭ ئوچۇقسۇن يېپىپ تۇرغان قىزىل يوپۇقىنى يەرگە يېيىپ سېلىپ، جەسەتنى يۆگەپ كۆتۈردى. ئېتتەك مېڭىپ، ئاتتىن چۈشۈپ كۆز سېلىپ تۇرغان ئاتىسى ئالدىغا بارغاندا، ئەلچى ئاياللار قوشۇنىدىكى سىپاھلاردىن بىر قانچىسى يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، جەسەتنى ئېلىشتى. پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەر بولۇپ كەتكەن بۆرتەئايىشە ئولتۇرۇپ قالدى. بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ قىسىپ قالغان دۇبۇلغىسىنى ئوڭلاپ كىيدۈرۈپ قويدى.
— قىزىم، ئەمدى چېدىرغا كىرىپ ئارام ئېلىۋالسىلا.
— ياق، ئاتا. مەن مۇشۇ يەردە بىر ئاز دېمىمنى ئېلىۋېلىپ، جەڭگە كىرمىسەم بولمايدۇ. ئابىنچۇ خاتۇن مېنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ئۇ قارا يۈزنىڭ «نامەرد» دەپ غەيبىشگە ئۇچراشتىن، جەڭ قىلىپ ئۆلۈشنى شەرەپ بىلىمەن.
— ماقۇل قىزىم، ماقۇل. سىلىنى جەڭگە كىرىشتىن توسۇماقچى ئەمەسمەن. قۇماربەككە رەھىمسىز، نامەرد بولۇپلا قالماستىن ئىنتايىن ھىيلىگەر ئالۋاستى. پەخەس بولسىلا، بالام. بۇ نەيزىنىمۇ ئېلىۋالسىلا، — بەگىيۈسۈپ ئۇچىغا شەمشەر ئورنىتىلغان نەيزىنى بەردى.
— ئاتا، ماڭا بىر ئات ئەكەلدۈرۈپ بەرسىلە.
— ئات مانا بالام، — ئۇ سۇلتانبەگ تىزگىنىنى تۇتۇپ تۇرغان قىزىل بويۇن تورۇقنى كۆرسەتتى، — شىكارغا چىققان چاغلاردا بىر قانچە قېتىم مىنگەندىلە، سىلىنى تونۇيدۇ.
— رەھمەت ئاتا، رەھمەت. ماڭا دۇئا قىلىپ قويسىلا، — يەرگىچە ئېگىلگەن بۆرتەئايىشە سۇلتانبەگ ئۇزارتقان تىزگىننى ئالدى. ئاتنى يېتىلەپ جەڭ مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن مىنىپلا چاپتى. قۇماربەككە قارىشىغا كەلگەندە، تىزگىننى بىر
تارتىپ ئاتنى چاپچىتتى. ئالدىنقى ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرگەن قىزىل بويۇن قۇماربېكەنى قورقۇتۇۋەتتى. ئۇ ئېتنى دەرھال بۇراب ئارقىغا چېكىندى.
— كەلەلمەسمىكىن دېسەم كەپسەن. قىلغان سۆزۈڭدە تۇرىدىكەنسەن. ئېتىڭمۇ ئېسىل ئات ئىكەن. بىكار ئۆلۈپ كەتمە. جۆر، مەن بىلەن ئوردۇكەنتكە كىرىپ كەت. ئاتاممۇ ھايات قېلىشىڭنى خالاپدۇ!
— سەن بىلىسەن. مەن بۈگۈن بىلگە ھاجىپ بەگىيۇسۈپنىڭ قىزى تۇرۇپ سەنئدەك بىر ئاسىي قارا نىيەتنىڭ كەينىدىن ماڭسام، ئەل لەنەت قىلمامدۇ؟ تولا ئالاقشىماي ئۆزۈڭگە ھەزەر بول! نۆۋەت مېنىڭ، — بۆرتەيىشە غەزەپ ئاچچىقى بىلەن ئۇنىڭ كۆكسىگە نەيزە ئۆردى.
بىر قولىغا قىلىچ، بىر قولىغا قالقان ئالغان قۇماربېكە «ۋاي!…» دەپ قىتقىيىپ قالدى. زەنجىر ساۋۇتنى تېشىپ ئۆتكەن نەيزە ئۇنىڭ باھرىغا قادالغانىدى.
«ئاللا ئىگەم، سەن ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى، ئەڭ خالىس ياردەم بەرگۈچى، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن. قىزىمنى ئۆز پاناھىڭغا تاپشۇردۇم. ئۆزۈڭ مەدەتكار بولۇپ غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن» دەپ دۇئا قىلغان بەگىيۇسۈپ قىزىنىڭ قۇماربېكەنى قوغلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى.
سېپىل ئۈستىدىكى ياساۋۇل، نۆكەرلەر يادىن ئوق ئۈزۈپ، قۇماربېكە شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتكۈچە قوغداپ تۇردى. بۆرتەيىشە كەينىگە ياندى.
جەڭگاھ نىزامى بويىچە يەكەمۇيەك ئېلىشىش بىلەن باشلانغان بۇ جەڭ، قۇماربېكە قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا توختاپ قالدى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىر قانچە باتۇرنى ئارقا — ئارقىدىن جەڭگاھقا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپتىن ئېلىشىشقا ئادەم چىقمىغاچقا، قايتىشقا مەجبۇر بولدى.
جەڭنى توختىتىش دۇمبىقى چېلىندى. — ئەمدى بىز يەنە دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان بولدۇق، — دېدى ئاچچىقلىنىپ ئېلىكخان ۋە خانتۇيغۇ كىرىپ تەختتە ئولتۇردى، — ئابىنچۇ خاتۇن جەڭدىن بويۇن تولغىدى، بەگىيۈسۈپ. — ئېلىكخان ئالىيلىرى، قۇماربەكە يارىلاندى. قارىغاندا ئۇ ئىبراھىم تېگىنگە چاپارمەن ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ. مەغلۇپ بولۇشنى جەزىم قىلغان بۇ مەككار جەڭنى ئۇزارتىشقا سوزۇش ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىپ ئوغلىنىڭ لەشكەر بىلەن ئىلدام كېلىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئوردىكەنتكە ھايالسىز بېسىپ كىرمەك زۆرۈر. لەشكىرى ئاز ئىكەن، بىر ئايال بىلەن تەڭ بولالمىدۇق، دەپ مەردلىك قىلىپ تۇرۇۋەرسەك، ئىبراھىم قايتىپ كېلىپ قالسا، بۇ شەھەرنى ئېلىشىمىز مۇشكۈللىشىدۇ. — دەرھال بېسىپ كىرمەيلى دېمەكچىمۇ سىز؟ ئۇنداق قىلساق جەڭ نىزامىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ باشقا ئەللەر بىزنى نامەردلىكتە ئەيىبلىمەمدۇ؟ كېيىنى — كەينىدىن قويۇلغان بۇ سوئاللارغا بەگىيۈسۈپ تەمكىن ھالدا جاۋاب بەردى: — نېمىشقا ئۇيغۇن كەلمىسۇن؟ جەڭ پىلان قىلماي، تۇيۇقسىز چۈشۈرمەي بېسىپ كىرمەك بولساق نامەردلىك ھېسابلىناتتى. قۇماربەكەنىڭ مەكتۇپىغا جاۋاب بېرىپ جەڭ پىلان قىلدۇق. ئۇ ئۆزى جەڭگە كىردىغۇ. نۆكەرلىرى سېپىلدىن ئوق ياغدۇردىغۇ. بۇ جەڭنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمدى بېسىپ كىرىشىمىز جەڭگاھ نىزامىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھەرگىز نامەردلىك ھېسابلانمايدۇ. ئالىيلىرى ئەمدى قەتئىي نىيەتكە كېلىشلىرى كېرەك! ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ئۆزىنىڭ ئادىللىقى، كەڭ
قورساقلىقى، سەۋىرجانلىقى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەچكە، بۇ ياخشى نامىغا داغ تېگىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەشقەرگە بېسىپ كىرىشنى ئارقىغا تارتىپ، قۇماربېكەنى ئۆزلۈكىدىن ئەل بولۇشقا مەجبۇرلىماقچى ئىدى. بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزى ئۇنى ئويلاندۇرۇپ قويدى: «ناۋادا، ئىبراھىم تېگىن لەشكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كەلسە، راستلا ئوردۇكەنتنى پەتھى قىلىشىمىز قىيىنغا چۈشىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت…» دېگەن يەرگە كېلىپ:
— ئورۇنلۇق مەسلىھەتلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت بەگىيۈسۈپ. ھەرھالدا بۇ كېچە ئەمەس، ئەتە ناماز بامداتنى ئۆتەپ بولۇپلا ھۇجۇمنى باشلايلى، — دېدى ئۇ ۋە خانتويىدا دىۋانى ئارىز كېڭىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىر، سەرگەردىلەرنى بۇ قارارىدىن ۋاقىپلاندۇردى. ئۇلار قوشۇلدى. ناماز بامداتتىن ئىلگىرى سىپاھىيلەرنى غىزالاندۇرۇپ، جەڭگە تەييارلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورۇنلىرىغا قايتىشتى.
قۇتلۇقبەگنىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغان ئالىپ ئۇرخۇنبەگ توغرۇل قاراخان بىلەن بارسخانغا كەتكەندىن كېيىنمۇ، ئېلىكخان ئۆزىنىڭ باش ۋەزىر تەيىنلىمىگەنىدى. بەگىيۈسۈپتىن باشقا بىرسىنى تەيىنلەشكە رايى بارمىغاچقا، ئۇنىڭمۇ يەنە رەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئېغىز ئاچماي ئۆتۈۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ بەگىيۈسۈپ باش ۋەزىرلىك خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى. باشقا ۋەزىر — سەرگەردىلەرمۇ، ئۇنى باش ۋەزىر ئورنىدا كۆرۈپ، ئاغزىغا قارىشاتتى، لېكىن ئۇ ھامان ھاجىپلىق كۆرسىدە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.
— ئالىيلىرى، خانىش قىلىپخاننىڭ ئاخىرەتلىكىنى تەييارلاۋاتقانلارنىڭ يېنىغا باراي. ئارام ئالىسلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ.
— مەن بىلەن بىللە غىزالىنىپ، ئاندىن بېرىڭ، — ئېلىكخان ئۇنى كېچىلىك تاماكقا تۇتۇپ قالدى.
4
ئاق يوپۇق يېپىلغان جىنازا بامدات نامىزىنى ئۆتەپ، سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان سىپاھلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.
لەشكەرىي قازى بەگىيۈسۈپنى مېيىت نامىزىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ساۋۇت ئۈستىگە تون كىيگەن بەگىيۈسۈپ كۆز چاناقلىرىغا ياش توشقان ھالدا، مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. «بىزمۇ ئارقىڭىزدىن ئاللا دەرگاھىغا قايتىپ بارىمىز» دەپ دۇئا قىلىشقان سىپاھلار جىنازىنى ئۇزىتىپ قالدى. خانىش قىلىچخان تۆمەن دەرياسى بويىدىكى دۆڭلۈككە دەپنە قىلىنغاندا، شەھەرگە ھۇجۇم باشلاندى، لېكىن سېپىل ئۈستىدىن ياغدۇرۇلغان يا ئوقى، سالغا بىلەن ئېتىلغان تاش ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان سىپاھلىرىنى دەرۋازىغا يولاتمىدى. چۈش بولغۇچە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن قۇماربېكنىڭ نۆكەر - ياساۋۇللىرى كۈن قىيام بولغاندا، بەرداشلىق بېرەلمەي قېچىشقا يۈزلەندى. يۈزلەنگەن شوتىلارنى تىكلەپ، سېپىل ئۈستىگە چىققان لەشكەرلەر قۇماربېكنىڭ ياساۋۇل - نۆكەرلىرىنى تۇتۇپ، سېپىلغا تاشلىغىلى تۇردى. بىر شوتىدىن سېپىلغا قەدەم باسقان دىلداربېكە بىلەن بۇغرايىشە ئۇلارنى توستى.
— نېمىشقا بۇنداق ۋەھشىلىك قىلىسىلەر؟ چالما ئەمەس ئادەم تۇرسا، كىملىكى يەنە شۇنداق سېپىلدىن تاشلايدىكەن، ئۆزىمۇ سېپىلدىن تاشلىنىدۇ، — دېدى دىلداربېكە ئاچچىقلىنىپ.
بۇغرايىشە ئۇنىڭغا قوشۇلمىدى. يەنى سېپىلدىن تاشلانمىغان تەقدىردىمۇ، يېپىندىن چىقمىغۇدەك ھالدا ئەدىپىنى بېرىش زۆرۈر، دەپ قارايتتى. ئۇ ئۇستازىنىڭ بۇ رەھىمدىللىكىدىن غەلىتە ھېس قىلدى.
سىپاھلار سېپىلدىن تاشلىماقچى بولغان نۆكەرلەرنى قويۇپ بەردى. ئۇلار تىزلىنىپ ئەپۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
608
— ئورۇنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار. سىلەر بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، دۈشمىنىمىز ئەمەس، — دېدى دىلداربېك مېھرىبانلىق بىلەن.
بۆگۈنئايشە غۇدۇرۇپ تۇرغان بىر ياساۋۇلنىڭ قولىنى چېپىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ رەھىم قىلغۇسى زادى يوق ئىدى. دىلداربېك ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى:
— بىز قىساس ئالماقچى بولغانلار بۇ نۆكەرلەر ئەمەس. ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ قىزىم…
بۆگۈنئايشە ئۇنىڭغا شۇنداق بىر قاراپ، ئارقىسىنى قىلىۋالدى. ئۇ جەڭگاھتا قازا قىلغان ئېرى، قېيىنئاتىسى، يولدا سوغۇق سەتكە ئۇچرىغان ئانىسى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالغانىدى.
شۇ تاپتا ئۇ سۇدەك ياش قويۇلغان كۆزلىرىگە ئالىقىنىنى باستى.
ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتكەن دىلداربېك:
— بىز سەپىلدىن چۈشۈپ ئوردىغا بارايلى. قۇماربېك شۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن، — دەپ بۆگۈنئايشە ۋە بىر قىسىم ئاچچىق ئاياللار توپى بىلەن پەسكە چۈشتى.
ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىدىن لەشكەرلەرنى باشلاپ كىرىۋاتقان سۇبېشى ئالىپ ئېلىزادەگە كۆزى چۈشكەن بۆگۈنئايشە تەسەللى تاپقاندەك بولۇپ، يېشىنى سۈرتۈپ ئاتقا مىندى.
بېگىسۇپ ئېلىكخان بىلەن دەرۋازىدىن شەھەرگە قەدەم قويغاندا، بۆگۈنئايشە دىلداربېك بىلەن ئوردىغا يېقىنلاپ قالغانىدى. ئوردا ئالدىدا يۈزلىگەن ياساۋۇل — نۆكەرلەر تىزلىنىپ تەسلىم بولدى. ئالىپ ئېلىزادە كېلىپ:
— قۇماربېك نەدە؟ — دېگەن سوئالىغا:
— بىلمەيمىز، — دەپ جاۋاب بېرىشتى.
— ئاراقلاردا ئوردا نۆكەرلىرى بىلەن ياساۋۇللار بېگى بولسا ئۆزىنى مەلۇم قىلسۇن! — دەپ بۇيرۇدى ئېلىزادە ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپ.
ئېگىز بويىلوق، كەكە ساقال، دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيگەن ياساۋۇل ئالدىغا چىقىپ تېزلاندى.
- سۇباشى جاناپلىرى، يېقىن ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېگى بولىمەن.
- ئىسمىڭىز نېمە؟
- ئوتاربەگ.
- قايسى قەۋمدىن؟
- ئۇيغۇر قەۋمىدىن
- سىز قۇماربېكنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانمۇسىز؟
- تۈنۈگۈن ئاخشام بۇغراخان سارىيىدا كۆرگەنىدىم. يارىلانغان ئىكەن. ئىككى كېنىزەك يۆلەپ بۇغراخان سارىيىغا ئېلىپ كىرگەنىدى.
- ھە، سۆزلەۋېرىڭ.
- قۇماربېك تەختكە چىقىپ ئولتۇرۇپ: «مەن يارىلاندىم، لېكىن ھاياتمەن. يۇغرۇش، ھاجىپلار، سەرگەردىلەر، ئوغلوم ئىبراھىم بۇغراخان يولغا چىقىش ئالدىدا ئۆزۈڭلارنىڭ قىلغان ئەھدىڭلاردىن، بەرگەن ۋەدەڭلاردىن زىنھار - زىنھار يانماڭلار. يەنە ئون كۈن بەرداشلىق بەرسەڭلار، ئوغلوم لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەتبەخت ئېلىكخان، بەگىيۈسۈپلەرنىڭ باغرىنى قان قىلىدۇ. ناۋادا، ئەھدىڭلاردىن يېنىپ ئەل بولۇشقا ئۇرۇنساڭلار، سىلەرنىڭ باغرىڭلارمۇ قان بولىدۇ. مۇشۇ سائەتتىن باشلاپ، ئوردا ئىچى، سىرتىدىكى بارلىق نۆكەر، ياساۋۇللار، تۇرغاقلار، ياتغاقلار، ھەرەمدىكى كېنىزەك، ئاغۋات، خىزمەتكار، دېدەكلەر سېپىل ئۈستىگە چىقىپ، قورقماستىن ئېلىكخاننىڭ لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا، ئوردۇكەنتكە ئاياغ باستۇرماسلىققا قەسەم قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. ھەممىمىز ئاللا نامى بىلەن قەسەم بەردۇق. پەرمانبەردار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈردۇق. ئۇ تەختتىن چۈشۈپ ھەرەمگە
كىرىپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن كۆرمىدىم. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئېلىزادەگ ئويلىنىپ قېلىپ سورىدى: — ئوردىدا نۆكەرلەرنىڭ سەردارىچۇ؟ — ئۇنىڭغا سېپىل ئۈستىدە يا ئوقى تېگىپ قازا قىلدى، جانابىلىرى. — شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئاچقۇچى كىمدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ — بىلىمەن ئالىيلىرى، ئىبراھىم بۇغراخان بارسىغانغا مېڭىشتىن ئىلگىرىلا دەرۋازىۋەنلەر بېگى بولۇپ تەيىنلەنگەن بۈگۈش بەگدە. — ئۇ ھازىر نەدە؟ — بىلمىدىم. بۈگۈش بەگمو تۈنۈگۈن ئاخشامدىن بېرى كۆرۈنمىدى. «قۇماربەكچۇ، بۈگۈشمۇ تۈنۈگۈن كەتكەن بويان ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن بولسا، ھەرەمىدىمۇ ياكى باشقا بىر يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغانمىدۇ؟» دەپ ئويلىغان ئېلىزادەگ ئوردىنى، ئوردا ئىشىكلىرىنى، ھەرەمنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئىككى يۈز، سېپىل، شەھەر دەرۋازىلىرىنى ساقلاشقا ئۈچ يۈز نەپەر سىپاھىنى ئاجرىتىشنى سەركەردە، سانغۇنلارغا بۇيرۇپ تۇرۇۋاتقانىدى، ئېلىكخان بىلەن بەگىيۈسۈپ يېتىپ كەلدى. ئۇ ئوردىدا ياساۋۇللار بېگىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىپ: — ئوردا غا مەرھەمەت قىلغايلا ئالىيلىرى، — دەپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. — بۇغرا تۆگە تەييار قىلىنغانمۇ؟ — دەپ سورىدى بەگىيۈسۈپ. — ماۋۇ بىخەستەلىكىمنى قارىمامدىغان، بايا ئوردىنى تەكشۈرگەندە پادىشاھ ئاتخانىسىدا باغلاقلىق يەتتە بۇغرانى كۆرگەندىم. ئېلىپ چىقىشنى ئۇنتۇپتىمەن، ئاتا. ھازىر ئادەم
ئەلۋەتتە، — ئېلىزادەبەگ جاۋاب بېرىپ، بىر يۈزبېشى بىلەن ئىككى نۆكەرنى ئالتۇن تاش بىلەن بۇغرا تۈگىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن جانقورغان، دۆلەتباغ، قورغاندىكى تۇرالارغا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن، شەھەر ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىپاھلار ئارقا - ئارقىدىن يۈرۈپ كېتىشتى.
— قۇماربېكە قەيەرگە يوشۇرۇنۇۋالغاندۇ، ھەرەمسىمۇ يا؟ ئۇنى دەرھال تۇتۇش كېرەك، بەگىيۈسۈپ، — ئەپۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان گويا ئۇ خوتۇننى مۇشۇ ئەتراپتا باردەك ھېس قىلىپ، يان - يېنىغا كۆز سالدى.
— قۇماربېكە جىننى ئوسۇلغا سالىدىغان ئالۋاستى. يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى بۇغراخان جەمەتى ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ، ئۆزىنى نىقاپلاپ كەلگەن شاياتۇن. سېزىلىپ قالغاندا چۈمپەردىسىنى چۆرۈۋېتىپ ئۆزىنى بىراقلا ئاشكارىلىدى. تۇتۇلۇپ قالسا، ئۆلتۈرۈلۈشىنى بىلىدۇ، ئالىيلىرى. شۇڭا، پۈتۈن ھىيلە - مىكىرنى ئىشقا سېلىپ، قولغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن قېچىپ تۇتۇلماسلىق كويىدا بولىدۇ. ئۇ يالغۇزنى تۇتۇشقا مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىش لازىم. ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشامدىن بېرى، بۆگۈش بىلەن بىللە غايىپ بولۇپ كېتىشىدە چوقۇم بىر سىر بار.
جىددىيلەشكەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئېلىزادەبەگكە:
— سۇباشى، قۇماربېكەنى تۇتۇش ئۈچۈن ئوردىكەنتنىڭ ھەرقايسى قوۋۇقلىرىنى، چىقىپ كەتكىلى بولىدىغان سېپىلنىڭ بارلىق يوچۇقلىرىنى كۆزىتىشكە چېچەن ئەسكەرلەردىن ئەۋەتىڭ، — دەپ ئەمەر قىلدى.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى. ھەرەمگىمۇ سىپاھ كىرگۈزەمدۇق؟ قۇماربېكە بەلكىم شۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن، — دېدى ئېلىزادەبەگ.
— ھەرەمگە ئاتاساغۇن دىلداربېكەنىڭ ئەۋچى قوشۇنى
كىرسۇن، ئەر سىپاھلارنىڭ كىرىشىگە قەتئىي بولمايدۇ! — ئەمىرلىرىنى ئورۇنلايمىز ئالىيلىرى! داۋان باغرىدا ئۇچراشقاندىن تارتىپ ئېمىچى ئاياللار قوشۇنىغا دىلداربىكەنىڭ باش بولۇشىنى ئېلىكخاندىن ئۆتۈنگەن بۇۋىنايىشە ئوردىغا بىرىنچى بولۇپ ئاياغ باستى. ئېلىزادەگ كىمناپ يوپۇق يېپىپ، ئالتۇن زەنجىرلىك چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، توش باغلاپ جابدۇپ ئېلىپ كەلگەن بۇغرانى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخاننىڭ ئالدىدا چۆكتۈردى. — ئېلىكخان ئالىيلىرى، سوۋار① بولغايلا. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان تۆگىگە مىندى. چۈلۈكنى تارتىپ بۇغرانى تۇرغۇزغان ئېلىزادەگ يېتىلەپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، بەگىيۈسۈپ: — ۋەلىئەھدى ئالىيلىرى، دەرھال ئورۇنلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر بىر ئىش بار ئىدى. ئىجازەت بەرسىلە. يېقىن ئورۇنلاپ بولۇپ ئوردىغا كىرسەم، — دەپ توختىتىپ قويدى. — نېمە ئىش ھاجىپ؟ — قۇماربىكە، بوزاغۇلار زىندانىغا تاشلىغان پېشۋالىرىمىزنى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەققانىيەت تەرەپدارلىرىنى زىنداندىن ئازابتىن دەرھال قۇتۇلدۇرۇش ئالىيلىرى. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان داغدام ئېچىلغان ئوردا دەرۋازىسىغا بىر قارىۋېتىپ، ئېلىزادەبگە: — بۇغرانى چۆكتۈرۈڭ! — دەپ بۇيرۇدى. بۇغرانى چۆكتۈردى. ئېلىكخان يەرگە ئاياغ باستى. — مەنمۇ سىز بىلەن بېرىپ ساداقەتمەن قېرىنداشلىرىمنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئورداغا بىللە كىرەي. مېنىڭ ئوردىكەنلىكنى پەيتى قىلىشىم، يالغۇز تەختكە چىقىش ئۈچۈنلا ئەمەسقۇ، — دېدى ئۇ مېڭىشقا تەييارلىنىپ.
① سوۋار — مىنىش.
ئارى شاھىم، بۈگۈ بىلگە، بوغۇغلارنى دوست تۇتقان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلماي، ھۆرمەتەلەپ تايانغان پادىشاھنىڭ تەختى مۇستەھكەم، كۆڭلى ئەمىن بولىدۇ.
ئۇلار ئوردىدىن ئانچە يىراق بولمىغان زىندانغا بىردەمدە يېتىپ كېلىشتى. ۋەھىمە سېلىپ قارىيىپ تۇرغان زىندان ئىشىكىدە قاراۋۇللار كۆرۈنمەيتتى. قاچقانمۇ، ئەسىر چۈشكەنمۇ تېخى مەلۇم ئەمەس ئىدى. بىرىنچى بولۇپ بەگىيۈسۈپ زىنداننىڭ قاراڭغۇ قورۇسىغا كىردى. ئارقىدىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان، جاندار، يۇرتۇغلارى بىلەن قەدەم باستى.
زىندان قورۇسىنى ئەندىشە بېسىپ كەتكەندەك جىمجىت ئىدى. پۇتىنى سۆرەپ ماڭغان بىر قېرى گۇندىپاي ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، بەگىيۈسۈپنى تونۇپ تېزلاندى.
بۈگۈ بىلگە جانابلىرى، ئۆزلىرى كەپلا دە. زىندان بېشى گۇندىپايلار بىلەن تېخى بايلا ئالدىراپ تېنەپ قېچىپ كېتىشتى. دىدارلىرىنى يەنە بىر كۆرۈشنى شۇنچە ئارزۇ قىلاتتىم. خۇدايىم بۇ تىلىكىمگە ئاخىر يەتكۈزدى. ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمانىم قالمايدۇ، ھەزرەتلىرى. ھەربىرىڭلارنىڭ ئالدىدا مەن گۇناھكار.
بەگىيۈسۈپ ئۆزىگە ۋە باشقا مەھبۇسلارغا ئىسسىق مۇئامىلىدە بولغان بۇ گۇندىپاينى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. مەرھۇم زىندان بېشى بەردىبەگنىڭ يېقىنى بولغان بۇ ئادەم شۇ چاغلارنى ئەسلەپ يىغلاپ كەتتى.
ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئاتىلىرى مەرھۇم بۇغرا قاراخاننىڭ ۋەسىيىتىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرگەن ئادەم مۇشۇ. ئۇ خان ئاتىلىرىغا ئوبدان قارىغان، دەپ تونۇشتۇردى بەگىيۈسۈپ.
گۇندىپاي ئېلىكخاننىڭمۇ كەلگىنىنى بىلىپ يەرگە باش قويدى:
ئالىيلىرى، تونۇيالماپتىمەن. گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىپتىمەن، دېدى ئۇ سەمىمىي ھالدا.
— ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ئاغا. سىز گۇناھكار ئەمەس، مەن بىلدىم. — زىنداندا ھازىر كىملەر بار؟ — سورىدى بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇرغان گۇندىپايدىن. — زىنداندا ئادەم كۆپ. چاھدا بۈگۈ بىلگەلەر، بوغۇغلار، يوغرىش، ھاجىپ، سانغۇن سەركەردىلەر بار. ئاۋاختىدا مەدرىسىلەردىن تۇتقۇن قىلىنغان تالىپلار، سودىگەر، ھۈنەرۋەن كاسىپلار بار، ھەزرەتلىرى. — بىزنى ئاۋۋال چاھلارغا باشلاپ بېرىڭ. — خوب ھەزرەتلىرى. گۇندىپاي زىنداننىڭ ئارقا قوروسىدىكى تىكەن، مۇخ، يانتاق ئۈنۈپ كەتكەن شورتاڭغا باشلاپ باردى. بۇ يەردە بىر — بىرىدىن يىراق بولمىغان يەتتە — سەككىز چاھ بار ئىدى. جاندارلار چاھ ئاغزىدىكى تاش ياپقۇلارنى ئالدى، چاچ — ساقاللىرى كۆكسىگە چۈشكەن مۇسىبەتدارنى ئارقا — ئارقىدىن تارتىپ چىقاردى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كىشى قارا! — دەپ غۇلاچ يايغان بەگىيۈسۈپ، ئوتتۇرا بويىلوق، ئاق ساقال، ئاق چاچ كىشىنى قۇچاقلىۋالدى. بۇ ئاتاقلىق ئالىم ھۈسەيىن بەزلوئللا ئىبنى خەلەپ كاشغەرىي ئىدى. ياداپ بىر تېرى — بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان ئالىمنىڭ كۆز نۇرى ئاجىزلىشىپ، ئۇچۇشقا يۈزلەنگەن شامدەك خىرەلىشىپ قالغانىدى. بەگىيۈسۈپنى يىغاق باغرىغا يېقىپ ئۇزاققىچە قويۇۋەتمىدى. كۆز چاناقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ياش ئاقىرىپ كەتكەن ساقاللىرىغا ئاقتى. — كىشى قارا، مەن شاگىرتلىرىدىن ئۆزلىرىگە سالام، — ئەبو ئەلى ھەسەن ئارسلانخان قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ تەزىم
① چاھ — چوڭقۇر كولانغان ئورا (زىندان). قۇدۇق مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ. ② ئاۋاختا — قاراڭغۇ ئۆي (زىندان، تۈرمە).
قىلدى، دىدارلىرىنى كۆرمىگىلى ئۇزاق يىللار بولغانىدى. قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغان ھەزرەتلىرىنى بۇ ھالدا كۆرۈپ، بۇرۇنراق لەشكەر تارتىپ كەلمىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلىك ساناپ، خىجىل بولۇۋاتىمەن.
شۇنداق دېمىسىلە ئۆلىمىدى. ھەر بىر ئىشنىڭ ۋاقتى قارارى بار. دەل سائىتىدە كەلدىلە. بىزنى يوقلاپ زىندانغا كەلگەنلىرىدىن خوشاللىققا چۆمۈلدۈم. تېنىمگە قايتىدىن جان كىرگەندەك بولدى. رەھمەت ئالىيلىرى.
ساچىيە، خانلىق مەدرىسىلىرىنىڭ مۇھەممەد بىننى ئەلى كاشغەرىي باشلىق ئاتاقلىق مۇدەررىسلىرى، بىر قانچە يۇغۇرۇش، ھاجىپلار، سانغۇن سەرگەردىلەرمۇ چاھدىن چىقىرىلدى. بەگىيۈسۈپ ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
قاماقتىق نەچچە يۈز سودىگەر، ھۈنەرۋەن، كاسىپلار، ساچىيە، خانلىق مەدرىسىلىرىنىڭ پىداكار ئۆگەنگۈچىلىرىمۇ قاراڭغۇ، زەي ئۆي ئاختىدىن چىقىپ كەچ كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا چۆمۈلدى.
جانابلار! ئاللاھدىن مىننەتدارمەنكى، مەملىكىتىمىزنىڭ شەرىپى، پەخرى بولغان ھەربىيلەرنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇش ئارزۇيۇمغا ئاخىرى يەتتىم. ئەمدى سىلەر بۇغراخان جەمەتى ۋە ئاۋام تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ياشايسىلەر، بۇ ئاخشام شەرىپىڭلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بەگ تەرەكسى ھۆرمەت ۋە شۈكرانىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغۇسى. قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ.
ئۇلار بەگ تەرەكسىگە قاتنىشىشنى شەرەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئېلىكخانغا تەزىم بەجا كەلتۈرۈشتى ۋە بەگىيۈسۈپكە ئەگىشىپ مېڭىشتى.
ساپ ھاۋا، ئالتۇن رەڭلىك كۈن نۇرى، ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان يورۇقلۇق، ئەركىن ئازادلىق ئۇلارنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن تېنىگە، ئۆپرىغان جېنىغا دەرمان كىرگۈزۈپ
روھلاندۇرماقتا ئىدى. زىنداندىن، ئاۋاخلاردا ياتمىغان ئادەم بۇنى ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ.
بەگىيۈسۈپ ئۇلارنى ئوردىدىكى پادىشاھ مۇنچىسىغا ئېلىپ باردى. ھاممامنىڭ خىزمەتچىلىرى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ئالدىراش بولمىغانىدى. بونچە كۆپ ئادەمگە سۇ ئىسسىتىپ ئۈلگۈرتۈش ئاسان ئەمەس دە. لۆڭگە، سوپۇنلار يېتىشمەي نەچچە قېتىم بازاردىن ئېلىپ كېلىندى.
چاپان بازىرى، ئۆتۈك بازىرى، دوپپا بازارلىرىمۇ ئېلىكخاننىڭ ئەمرى بويىچە كەلگەن ئوردا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئاجايىپ قىزىپ كەتتى. تون، شەم چاپان، كۆڭلەك تامبال، ئۆتۈك مەھسە، دوپپا مالىخاي، تۇماق قالپاق قاتارلىق كىيىم كېچەكلەرنى سېپىۋېلىپ ھارۋا ھارۋىدا ئورداغا ماڭدۇردى.
ھاممامدا ئۆدۈللۈق يۇيۇنۇپ چىققانلار ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان يېڭى كىيىملەرنى كىيىشىپ بەگ تەرىكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەت زالىغا قاراپ مېڭىشتى. شۇ ئان ئۇلارنى زىنداندىن چىققان دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيتتى.
بىرنەچچە سائەت ئىلگىرى قاراڭغۇ چاھدا، كۈن نۇرىنى، بالچىقلارنى سېغىنىپ ئازابلانغان بۈگۈ بىلگە، بوغۇغلار مانا ئەمدى شام چىراغلار نۇرىدا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن ھەشەمەتلىك سارايدا راھەتلىنىپ ئولتۇرۇشاتتى. ئالدىرىغا دۇنيانىڭ ھەممە نازۇ نېمەتلىرى قويۇلغانىدى…
ئىنسان ئۆمرىدە نېمىلەرنى كۆرمەيدۇ ھە!
بەگىيۈسۈپ كۈمۈش جاملارغا قويۇلغان ئانار شەربىتىنى ئۇلارغا تۇتتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئۇلارنىڭ زىنداندىن سالامەت چىققانلىقىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى:
بۈگۈن ناھايىتى خاسىيەتلىك كۈن بولدى، جانابلار. بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپنىڭ دەۋىتى بىلەن ئوردىكەنتنى پەسلى قىلىپ، بۇ بەگ تەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر قىلغان تەڭرىدىن مىننەتدارمەن. ئۇلۇغ تەڭرى بىز بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان
ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغان بۈگۈ بەگكە، بۈگۈ بەگلىرىمىز، زېمىندار، سودىگەر، ھۈنەرۋەن - كاسىپلىرىمىز، ئوقۇمۇشلۇق تالىپلىرىمىزنى زىنداندىن ئازاد قىلدۇق. مەن ئۇلارنىڭ ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى ياقىلاپ، ئاسىي بەتنىيەتلەرنىڭ تەھدىت، زۇلمىدىن قورقماي، باھادىرلارچە كۈرەش قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى مانا شۇ ساداقەتمەن قېرىنداشلىرىمغا تاپشۇرىمەن. قارا نىيەت ئاسىي قۇماربەك گەرچە قاچقان بولسىمۇ، نەچچە يىلدىن بېرى ئەلنى قاقشاتىپ توپلىغان بايلىقىنى ئېلىپ كېتەلمىدى. ئوردىدا خەزىنىسى ۋە ھەرەم قەسىرلىرىدە يوشۇرۇن ساقلىنىۋاتقان ئالتۇن - كۈمۈش، جاۋاھىراتلارنىڭ ھەممىسىنى خانلىقىمىز مۈلكىگە ئۆتكۈزۈۋالدۇق. بىز بۇ زور بايلىقنى مەملىكىتىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سەرپ قىلىمىز. تەنتەنە بىلەن جاكارلايمەنكى، ئوردۇكەنت دىيارىدىكى تارىقچى①، يىلقىچى②لاردىن ئۈچ يىلغىچە سېلىق، ئالۋان - ياساق ئېلىنمايدۇ. سىپاھلار، دۆلەتنىڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەتچىلىرى ئامبارلاردىكى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىنىدۇ. تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن - كاسىپلاردىنمۇ باج ئېلىنمايدۇ. مەدرىسە، مەكتەپلەرنى كۆپەيتىش، بىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىككى تۈمەن سەر ئالتۇن ئوردا خەزىنىسىدىن سەرپ قىلىنىدۇ.
— بارىكاللا - بارىكاللا! ئېلىكخان ئالىيلىرى، تارتقان جاپا - كۈلپەتلىرىمىز بىكارغا كەتمەپتۇ. ئاللا ئۆزلىرىگە، بەگىيۈسۈپ جاناپلىرىغا رەھمەت قىلسۇن. ياردىمىنى ئايىمىسۇن، — دېيىشتى ئۇلار.
ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپ كاشغەرىي زىياپەت
① تارىقچى — دېھقان، يەر تېرىغۇچى. ② يىلقىچى — چارۋىچى.
ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئۆزىنىڭ خوشاللىقى ۋە ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى:
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى، مەرھۇم بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى بىلەن ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، تاجۇتەخت ئاسىي بەتنىيەتلىرنىڭ زەھەرلىك چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئەلھەمدۇلىللا، ھەربىيلىرى لەشكەر باشلاپ باستۇرۇپ كېلىپ، ئاسىي سۈيقەستچىلەرنى مەغلۇپ قىلىشتىلا. بىزنى زۇلمەتتىن قۇتقۇزۇشتىلا. خوشلۇقىمىز دىل قاچىمىزغا سىغماي كۆزلىرىمىزدىن تاراملىدى. بىراق، ياۋۇز قان ئىچەر شاياتۇن قۇماربەككە قېچىپتۇ. ئۇنىڭ نەدىلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن مەملىكەتنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن توققۇز توغلۇق لەشكىرى بىلەن ئاتلانغان ئىبراھىم تېگىن، بوزاغۇلار قان تۆكمەكتە. بۇلار بىرلىشىۋالسا ئېلىمىز ئۈچۈن يەنە چوڭ بالا بولىدۇ. بىز بۇ يەردە يەپ - ئىچىپ شاد - خۇرام ئولتۇرغىنىمىز بىلەن ئۇلار تىنچ ياتمايدۇ. بىگۇناھ خەلقنى بۇلاپ - تالايدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. قوزغۇدۇدىن ئادالەت، ھەققانىيەت دەپ قوزغالغان ئۆكەنسىلەر، ئوردۇكەنتتە توختاپ قالماڭلار. ئاسىي قارانىيەتلەرنى تامامەن يوقاتمىغۇچە توختىماي ئالغا بېسىڭلار. باش ئۈستىگە كۆتۈرگەن قىلىچلارنى قىنىغا سالماڭلار. مېنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدىم مۇشۇ، — ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، توغرا دېدىممۇ، دېگەندەك قىلىپ بەگىيۈسۈپكە قارىدى.
— ئەلۋەتتە، كىشى قارا، ناھايىتى توغرا ئېيتتىلا. ئېلىكخان ئالىيلىرى توختاپ قالماقچى ئەمەس. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئاتلىنىپ، قۇماربەككە، ئىبراھىم تېگىنلەر قەيەردە بولسا شۇ يەرگە يۈرۈش قىلىدۇ، ئۇلارنى جازالىمىغۇچە زادى توختىمايدۇ.
ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان بەگىيۈسۈپنىڭ جاۋابىدىن بىر بېشارەتنى سېزىپ كۈلۈمسىرىدى…
ئون توققۇزىنچى باب: بارسغاندىكى قانلىق جەڭ
1
بارسغاننى ئالالمىغانلىقىدىن ئىبراھىم تېگىننىڭ سەپراسى ئۆرلەپ كەتتى. مۆڭگۈزنىڭ شەھەرگە بېسىپ كىرىشىگە شۇنچە ئەسەبىيلەشكەنىدى. ئۇنىڭ چاپاۋۇل قىسمى ئارقا - ئارقىدىن زەربىگە ئۇچراپ، چېكىنگەندىن كېيىن، باشقا قوشۇنلارمۇ شەھەر دەرۋازىسىغا يېقىن بارالمىدى. ئەرواھى ئۇچقان ئىبراھىم تېگىن:
— قورقاقلار، نان قېپىلار، لالما ئېشەكلەر! نەرە تارتىپ شەھەرگە بېسىپ كىرىشتىن كۆرە، ئۆلۈشۈڭلار تۈزۈك ئەمەسمىدى؟ — دەپ ۋارقىراپ تەختتىن چۈشتى - دە، مەيداندا تۇرغان تاش تېگىپ پۇتى سۇنغان بىر سەرگەردىنىڭ كېيىنكى يېنىدىن قىلىچ ئۇردى.
— ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار، بۇغراخان ئالىيلىرى، جەڭ ئەمدىلا باشلاندىغۇ. ئىنال تېگىننىڭ سىپاھىلىرى ئوق، تاش ئېتىپ ھاردى. بىز مۇ بارسغان قەلئەسىگە بېسىپ كىرمەي قالمايمىز، — دەپ ئۇنىڭ قولىدىكى قىلىچنى ئېلىۋالدى بوزاغۇ. بولمىسا شۇ ئاچچىقىدا باشقا سەرگەردىلەرنىمۇ چېپىۋەتكەن بولاتتى.
«ئەگەر ماڭا چېقىلسا، قولىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن» دەپ بىر چەتتە ھۆركىرەپ تۇرغان مۆڭگۈزگە كۆزى چۈشكەن بوزاغۇنىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى، چۆچۈدى. يۆلىنىچلىك ئورۇندۇقتا پۇشۇلداپ ئولتۇرغان دوقابەگكە قارىدى. ئېلىكخان بولۇش تەمەسىدە، سىپاھلارنىڭ شەھەرگە تېزرەك بېسىپ كىرىشىنى
تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان بۇ ئادەم مۇشۇ تاپتا ئۈمىدسىزلىنىپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالغانىدى.
— سېپىل ئاستىدىكى سوغۇقچ، ھاۋادانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋېتىش كېرەك، ئالىيلىرى، — دېدى مۆڭگۈز بىردىن زوۋان سۈرۈپ، ئۇ ئالدىغا دەپسەندەپ كەلگەن ئىبراھىم تېگىنگە قاراپمۇ قويماي سۆزىنى داۋام قىلدى، — شۇنداق قىلغاندا ئۇزاق ئۆتمەي دەلۋازنى ئىنال تېگىن ئۆزى ئېچىپ بېرىدۇ.
ئىبراھىم تېگىن تۇرۇپ قېلىپ، قىلىچ بىلەن ئەمەس، قولى بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:
— كاللىڭىز بار — دە، سىزنىڭ چاپاۋۇللار بېشى، ئادەم دېگەن ئۇسسۇزلۇققا بەش كۈندىن ئارتۇق چىدىمايدۇ. شۇنداق بولسۇن! — دېدى. ئاندىن بوزاغۇغا كۆز تىكىپ پەرمان چۈشۈردى، — سېپىل ئاستىدىن ئۆتىدىغان ئېرىق — ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى چۆل — جەزىرىلەرگە قويۇپ بېرىلسۇن. سوغۇقچ، ھاۋادانلار تامامەن ئېتىۋېتىلسۇن!
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى! — بوزاغۇ بىر قانچە ۋەزىر، سەرگەردىلەرنى ئېلىپ خانتۇيدىن چىقىپ كەتتى.
— توققۇز ئوغۇز شۇنچە كۆپ سىپاھ بىلەن جەڭ قىلماي شەھەر سىرتىدا يېتىۋېرىمدۇق؟ سىلەردە جۈرئەت بارمۇ — يوق؟ — ئىبراھىم تېگىن كايىپ سانغۇن — سەركەردىلەرگە ئالايىدى.
يەنە مۆڭگۈز بىرىنچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى:
— جۈرئەت بار، ئالىيلىرى. ئىنال تېگىن بىزدىن قورققانلىقى ئۈچۈن قەلئەگە كىرىۋالدى. جەڭ مەيدانىغا كىرىپ مۇبارىز تەلەپ قىلساقمۇ، ئۇلار ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. پەقەت سېپىل ئۈستىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپلا يادىن ئوق ئېتىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭغا پىسەنت قىلماسلىق كېرەك. ئوبدان ئارام ئالغىچە بىرنەچچە كۈن كۈتۈش بىزگە پايدىلىق. ئۇلارنى ئۇسسۇزلۇق قىينىغاندا، دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ھالدا لەشكەرلىرىمىز ھېچقانداق توسقۇنلۇققا
ئۇچرىماي بارىغاننى ئىشغال قىلىدۇ. شاھىم، بىئارام بولمىسۇنلەر.
ئىبراھىم تېگىننىڭ كۆڭلى ئارامغا چۈشتى. ئۇ خانتويدىن چىقىپ، ئالاھىدە تىكىلگەن ئۆزىنىڭ خاس چېدىرىغا كىردى. ئەينەككە قاراپ ئولتۇرغان خانىش ئەپرۇزە ئېرىنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، بويۇن تولغاپ كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇۋالدى. خوتۇننىڭ نازلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئىبراھىم تېگىن شاھانە مەخمەل تونىنى سېلىپ كىمخاب كۆرپىگە تاشلىدى. ئالتۇن تاجىنى خوتۇننىڭ زىبۇزىننەتلىرى ساقلىنىدىغان كۈمۈش ساندۇق ئۈستىگە قويدى.
— شاراب كەلتۈرۈڭ، — دېدى ئۇ بۇيرۇق ئاھاڭىدا.
سەللا بوش تۇرسا بېشىغا مىنىۋالىدىغان خوتۇننىڭ خۇيىنى ئوبدان بىلىدىغان ئىبراھىم تېگىن ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ گۆشەيىپ ئولتۇرۇۋالغان ئەپرۇزە خانىشقا قوپال تېگىپ بېرىشتىن پېلىكتەك مۇلايىم قىلىۋەتتى. گۈلۈپ تۇرغان ئېرىنى ئەينەكتە كۆرۈپ قوپقان خانىش بېلىنى تولغاپ يەرگىچە ئېگىلدى.
— خاقانىم، خىزمەتلىرىگە تەييارمەن. ئەجەب كەلمەكلەرىنى بىلمەي قاپتىمەن، — ئۇ چېدىرنىڭ بۆلۈكىگە تىزىپ قويغان خۇمرىدىن بىرنى ئېلىپ كەلدى. جامغا شاراب قويدى، — يەنە ئىككى خۇمرىلا قالدى. تۈگىسە قانداق قىلغۇلۇق؟
— غەم يېمەڭ، بىكەم. بارىغاننى ئالغاندىن كېيىن شارابقا چۆمۈلۈپ كېتىمىز، — ئىبراھىم تېگىن خوتۇنى سۇنغان جامنى ئېلىپ بىر كۆتۈرۈشتە بوشاتتى.
— بارىغاننى قاچان ئالىلا شاھىم؟
— بەس! قۇرۇق گەپنى قويۇپ، ئۇسەت كەلتۈرۈڭ.
ئەپرۇزە خانىش تاشقىرىغا چىقىپ كېنىزەكلىرىگە تامغالىق①
① تامغالىق — مەخسۇس بۇغراخان ئۈچۈن ئېتىلگەن تاماق، نازارەتچى تەكشۈرۈپ زەھەرسىز دەپ تامغا باساتتى، شۇڭا تامغالىق دېيىلەتتى.
كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپ كىردى. — شاھىم، سىلى بۇغراخان بولغاندىن بېرى بەكمۇ قوپاللىشىپ كەتتىلە. گەپ قىلساملا دەشنەم يەيمەن… — بەس! يەنە ۋاتىلداپلا تۇردۇڭغۇ! ياۋاش، مۇلايىم ئادەم بۇغراخان بولالمايدۇ. قىلىچىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان، سۈرىدىن ئادەملەر دەر — دەر تىترەيدىغان ئالىپ خانزادىلەر بۇغراخان بولالايدۇ، بىكەم. — ئەپۇ قىلسىلا ئالىيلىرى، بىلمەي سوراپ ساپتىمەن. كېنىزەكلەر تاماقلارنى كەلتۈردى. غاز گۆشى بېسىلغان پولو، بۇغا، بۆجەن گۆشلىرىدە قىلىنغان كاۋاپ، قۇشقاچ گۆشىدە ئېتىلگەن چۆچۈرە داستىخانغا قويۇلدى. ئىبراھىم تېگىن يەپ — ئىچىپ كېرىلىپ ئەسنىدى. — يوتقان سېلىڭ، بىكەم. — شاھىم كۈن پاتماستىن ئىلگىرى يوتقانغا كىرسىلا، يوغۇچ، سانغۇنلار نېمىدەپ قالار؟ — دېدى خانىش. — بۇغراخان دېگەن ھېچكىم تىل تەگكۈزەلمەيدىغان، دېگىنىنى قىلىدىغان شاھىنشاھ، بىكەم. كۆڭلۈم ھازىر يوتقاننى، سىزنى تارتىۋاتىدۇ. شۇڭا، يوتقان سېلىنىشى كېرەك. كۆڭلۈم شىكارنى تارتسا شىكار قىلىمەن، كۆڭلۈم جەڭنى خالىسا جەڭ قىلىمەن. بىلدىڭىزمۇ؟ — بىلدىم، شاھىم، سىلى تەڭداشسىز خاقان. خانىش ئۇنى ماختاپ تۇرۇپ يوتقان سالدى، ئىپار چاچتى. — ئۇچامنى سىلاڭ، — يوتقانغا كىرگەن ئىبراھىم تېگىن ئۇيقۇغا ياتتى. خانىش قىستىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ تېنىنى سىلاشقا تۇتۇندى. جالاق — جۇلۇق قىلىپ ئېچىلىپ كەتكەن چېدىر ئىشىكىدىن كىرگەن قويۇن ئۆلارنىڭ ھۇزۇرلىق كەيپىنى بۇزۇۋەتتى. خان چېدىرىنىڭ ئىچى توپا — توزانغا تولدى.
— نېمە ئىش بۇ؟ ئىشىكنى ئېتىپ قويۇڭلار! — دەپ ۋارقىرىدى ئىبراھىم تېكىن.
كېپىنزەكلەر چۇقان سېلىشتى. جاندارلار، ياساۋۇللار ئۆمۈت، گۈرزىلەر بىلەن ئىشىكنى تاقاۋاتاتتى. ھەمىشە يېقىنلىق تۇرىدىغان شام — چىراغلار ئۆچۈپ چېدىر قاراڭغۇلاشتى. ئەپروزە خانىش قوپۇپ، شام چىراغلارنى ياندۇرۇپ قويماقچى بولۇۋېدى، ئىبراھىم تېكىن قولىدىن تارتىپ ياتقۇزدى.
— يېتىڭ، غۇنچىنەم يېتىڭ، كارىڭىز بولمىسۇن. ئۇچامنى تۇتۇڭ.
— بۇ بوران بۈگۈن چىقمىسا بولاتتى. ئەمدى قاچان توختايدۇ شاھىم؟ — دېدى خانىش ئۇنىڭ گۆشلۈك مۈرىسىنى سىلاپ.
— بۈگۈن چىقسا نېمە بوپتۇ؟ ئىسسىق ئورۇندا ياتىمىزغۇ، بىكەم.
— بۈگۈن چىقسا پات توختىمايدۇ، شاھىم. بۈگۈن دېگەن شەنبە. «جۈمە چىققان بوران شەنبە توختار، شەنبە چىققان بوران قاچان توختار» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان بولغىيدىڭىز شاھىم؟
— ئاڭلىغان، بىكەم. ئەنسىرىمەڭ. بوران چىقسا چىقىۋەرسۇن. بىز يامغۇر ياغدۇرىمىز، سىلاڭ.
بوران بارغانسېرى ئەدەپ، تاشقىرىدىكى سىپاھلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچۇرماي قويدى. ئۇلار چېدىرغا كىرىۋېلىپ چىقالماي تازا زېرىكىشتى. ئاشپەزلەر ئوچاقچىلىقتا تاماقمۇ ئېتىپ بېرەلمەي، قۇرۇق نانغا قالغان سىپاھلار بەك قىينالدى.
دېگەندەك بوران بىر ھەپتە داۋام قىلىپ، قانداق ئۇشتۇمتۇت باشلانغان بولسا، شۇنداق تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.
چېدىردا يېتىپ-يېتىپ زېرىككەن ئىبراھىم تېكىن سىرتقا چىقتى. بارلىق سىپاھلارمۇ تاشقىرىغا چىقىۋالغانىدى. ئۇ ئەتراپقا كۆز سالغان ھالدا خانتويىغا كىرىپ تەختكە چىقتى. ۋەزىر، سۇباشى، سانغۇن — سەركەردىلەر ھۆرمەت كۆرسىتىپ تەزىم قىلىشتى.
— بوغراخان ئالىيلىرى، تەڭرى نۇسرەت ئاتا قىلغاي، — دەپ سۆز باشلىدى بوزاغو، — ئەمىرلىرىگە بىنائەن شەھەرگە سۇ كىرىدىغان ئون ئىككى سۇئۆتكۈچ، ھاۋادان، يوچۇقلار توسۇۋېتىلدى. ئەمدى بايبەگ ئىنال تېگىننىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئەل بولماقتىن باشقا ئامالى قالمىدى. — ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، قەيسەربەگ. ئوردۇكەنتتىن خەۋەر بارمۇ؟ — يوق ئالىيلىرى. ئەتە — ئۆگۈن كېلىپ قالار. — ئاپامنى چۈشەپ قاپتىمەن، ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن، تاغا. بوزاغو ئۆزىنى ئىبراھىم بوغراخاننىڭ «تاغا» دەپ ئاتىغىنىدىن ئۆزۈر — سەرگەردىلىرىنىڭ غەلىتە ھېس قىلغىنىنى ئۇلارنىڭ قارىشىدىن سېزىپ، دەرھال: — خاقانىم، پېقىر قوللىرىنى تاغا دەپ ئاتاپ بېشىمنى كۆككە يەتكۈزدىلە. بۇنىڭ ئۈچۈن مىڭ جېنىم بولسىمۇ بارىنى ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پىدا قىلىمەن، — دېدى ئىبراھىم بوغراخانغا مەنىلىك قاراپ. — يۇغرۇش بېشى، گەرچە سىز بوغراخان جەمەتىدىن بولمىسىڭىزمۇ، تاغامدەك بولۇپ قالدىڭىز. ئاتام قازا قىلغاندىن بۇيان سىزنى، دوقاقبەگ جاناپلىرىنى ئاتامدەك، تاغامدەك كۆرۈپ تەسەللى تېپىپ كېلىۋاتساممۇ، ھۆرمىتىڭلارنى قىلالمىدىم. تۈنۈگۈن كېچە ئاپامنى چۈشەپ قېلىپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى، — ئىبراھىم تېگىنمۇ سۆزدە كەتكۈزۈپ قويغىنىنى تۇيۇپ، چۈشەنچە بەردى. — قانداق چۈشەپ قاپلا ئالىيلىرى؟ — بوزاغو بىلەن دوقاقبەگ تەڭلا سورىدى. — ئاپامنى بۆرە يەپ كېتىپ چۈشەپتىمەن، ئەنسىرەپ قالدىم. دوقاقبەگ: — دىدار كۆرۈشۈشكىلا ئالىيلىرى، — دەپ تەبىر بەردى.
بوزاغۇ باش چايقاپ لېۋىنى چىشلىدى. مۇڭسۇزنىڭ سۈرلۈك چىرايىدا يەنە مەسخىرە كۈلكىسى پەيدا بولدى. — مېنىڭ شىكار قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، يوغۇن باشى. بۇ ئەتراپتا ئوۋ كۆپ ئىكەن، — دېدى ئىبراھىم تېگىن ئۆيگە چۆكۈپ ئولتۇرغان بوزاغۇغا. — نېمە دېدىلە ئالىيلىرى؟ ئاڭلىيالماي قالدىم. ئىبراھىم تېگىننىڭ غەزىپى ئېشىپ كەتتى: — قۇلىقىڭىز گاس بولۇپ قالدىمۇ؟ شىكارغا چىقايلى دەۋاتىمەن. بوزاغۇ قوپۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى: — خاقانىم، بىز دۈشمەننىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. شىكارغا چىقىش خەتەرلىك. بولۇپمۇ ئالىيلىرى شىكارغا چىقسىلا بىز خاتىرجەم بولالمايمىز. ئىبراھىم تېگىن ئېغىر تىندى. — بۇغراخان ئالىيلىرى، يەنە بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن دەل — دەرەخلەر، زىرائەتلەرگە ئۈششۈك تېگىدۇ. ئۈششۈك تەگدى دېگەن سۆز، قىش كىردى دېگەن سۆز. شۇڭا، جىددىي ئاتلىنىپ بارغاننى ئېلىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەيلا، — ئورنىدىن تۇرغان دوقاقبەگ دەرھال جەڭنى باشلاشقا دەۋەت قىلدى. بىر قانچە سانغۇن، ۋەزىرلەر ئۇنى قوللاپ پەرمانبەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. — پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتسەك، ئۆلۈكلىرىمىزنى سېپىل تۈۋىدە قالدۇرۇپ چىكىنىشكە يەنە مەجبۇر بولىمىز، دوقاقبەگ جاناپلىرى. ھاجىبۇل ھۇججەتلىك كۆرسىتىپ ئايرىلماي ئوردوھەنتتە قالغان بولسىلىرى جەڭ ئازابىنى تارتماي ھالاۋەتتە ئۆتەتتىلە. خەيرىيەت، ھېلىھەم قايتىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىمەن، — دېدى مۇڭسۇز چىڭ — چىڭ سۆزلەپ. ئۇ قوپۇپ تەخت ئالدىغا كەلدى، — بۇغراخان ئالىيلىرى، سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن، مەڭچاناغ، سالغا بىلەن بارسغان
قەلئەسىنى ئۈچ كېچە - كۈندۈز توختىماي تاش بوران قىلىش كېرەك. بارلىق مەرگەنلەرمۇ سېپىلغا ئوق ياغدۇرۇپ، ئىنتال تېگىن سىپاھىلىرىنى باش كۆتۈرتمەي ھالسىرىتىشى لازىم. تۆتىنچى كۈنى مانا مېنىڭ چاپائۇللىرىم بىر ھۇجۇم بىلەن بارسىغاننى ئالىدۇ. ئىنتال تېگىننى تۇتۇپ ئالىيلىرىنىڭ جازالىشىغا تاپشۇرىدۇ. خائىن ھوشۇربەگنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ، سازايى قىلىدۇ. پەرمان چۈشۈرگەيلا!
ئىبراھىم تېگىن ئۇنى ئۆچۈپ كەتكەن دوقاقبەگكە، ئاندىن بىر نەرسە دېمەكچى بولغان بوزاغۇغا كۆز سالدى - يوق، زۇۋان سۈرمىدى.
-
خاقانىم، چاپائۇللار بېشى مۆڭسۈز ناھايىتى ئوبدان تەكلىپ بەردى. سۇبېشى دوقاقبەگ جاناپلىرىنىڭ دەرھال ئاتلىنىپ جەڭنى باشلاشقا دەۋەت قىلىشىمۇ ئورۇنلۇق. ئاۋۋال بارسىغان قەلئەسىنى تاش بوران قىلىش، سېپىلدىكى سىپاھلارنى ئوققا تۇتۇشمۇ ئۇنىڭ جەڭ پىلانىدا يوق ئەمەس. دېمەك، دوقاقبەگ بىلەن مۆڭسۈز بەگنىڭ پىلانىنى تامامەن بىردەك دېيىشكە بولىدۇ، ئالىيلىرى. پەرمان چۈشۈرگەيلا، - بوزاغۇنىڭ ھەرىكەتچەنلىكى ياخشىچاق بولۇپ قىلغان سۆزى مۆڭسۈزبەگكە ياقمىدى. ئۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىغان بوزاغۇغا ئالىيىپ، «خەپ مەككار! ئەدەپىڭنى بىر بەرمىسەم» دەپ ئىچىدە خەپلەپ قويدى. ئېغىز ئېچىپ بىر نېمە دېمىدى. ئىبراھىم تېگىن:
-
ئەتە ئەتەگەنلىكتىن باشلاپ ئۈچ كۈن بارسىغان قەلئەسى تاش بوران قىلىنسۇن. ئىنتال تېگىن سىپاھلىرى ئوققا تۇتۇلسۇن! - دەپ ئەمر قىلدى.
ئەتىسى ئەتەگەنلىكتىن باشلاپ، يۈزلىگەن مەنجاناق، مىجىلغان سالغا بىلەن ئېتىلغان چوڭ - كىچىك تاشلار بارسىغان شەھىرىگە مۆلدۈردەك ياغدى. سېپىل تۆپىسىدىكى ئۆي - ئىمارەتلەر ۋەيران بولۇپ، ئۆلتۈرۈشلۈك كىشىلەردىن بەزىلىرى زەخمىلەندى. باشلىرى يېرىلىپ، كۆزلىرى قويۇلدى. بۆشۈكتىكى بىر قانچە
بۇزۇق، سەبىي بالىلار تاش تېگىپ ئۆلدى. كىشىلەر ئۆرتۈپە بولۇشۇپ قىيا - چىيا كۆتۈرۈلدى…
نەچچە مىڭ يادىن سېپىل ئۈستىگە ئېتىلغان ئوق ئىتتال تەگكەن سىپاھىلىرىنى باش كۆتۈرگۈزمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئالدىرىماي ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشتى. ئۆلگەن، يارىلانغانلار كۈنسېرى كۆپەيدى.
تاش بوران قىلىشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى چاشكا ۋاقتىدا، لەشكەرلىرى بىلەن يېتىپ كەلگەن توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا توساتتىن پەيدا بولۇپ قېلىشى ئىبراھىم تېگىننىلا ئەمەس، بوزاغۇ، دوقاقبەگلەرنىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتتى. يادىن ئوق ئۈزۈۋاتقان، تاش بوران قىلىۋاتقانلارمۇ توختاپ قالدى. مۆجۈزلا «تالاپەت ئەمدى باشلىنىدىغان بولدى» دەپ قولىنى سىلكىپ قويدى.
ئۇ چاپائۇل قىسمىنى سەپراس قىلىپ، ئومۇت - نەيزىچىلەر، ياچىلار، قىلىچۋازلاردىن ئىبارەت ئۈچ توپقا ئايرىدى. ھەرمەھەل جەڭگە تەييار تۇرۇشنى بۇيرۇپ، بارسغان شەھرىنىڭ غەربىگە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان توغرۇل قاراخاننىڭ سىپاھىلىرىنى كۆزىتىشكە باشلىدى.
ئەسلىدە مەھمۇد ئارسلانخان تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، ئىبراھىم تېگىن قوشۇنلىرىنى قورشۇۋالماقچى ئىدى. ئەمما، ناھايىتى كۆپ يەرگە يېيىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئورخۇنبەگنىڭ تەكلىپى بىلەن بارسغان شەھرىنىڭ غەربىگە چۈشۈپ چىدىر بارگاھ قۇرۇشقا كىرىشتى.
كۆزىتىش مۇنارى ئۈستىدىن ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان بايبەگ ئىنال تېگىن غەربى دەرۋازىنى ئاچتۇرۇپ، قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقتى. توغرۇل قاراخان بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
— بالام، قوزغۇردۇغى بارغىنىم ياخشى بولغانىكەن. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەر ھۆرمىتىمنى يۈكسەك قىلىشتى. مەكتۈپلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئاقىپ بولۇپ، ئىككى
تۈمەن لەشكەر بىلەن مېنى بارسخانغا يولغا سېلىپ، ئۆزلىرى ئىككى تۈمەن سىپاھ بىلەن ئوردۇكەنتكە يۈرۈپ كەتتى. مانا مەن بارسخانغا يېتىپ كەلدىم. ئەھۋال قانداقراق؟ دېدى توغرۇل قاراخان ئورخۇنبەگ، بۆرىبەگ، قۇتلۇقبەگلەرنى ئايرىم ئايرىم تونۇشتۇرۇپ.
قاراخان ئاتا، مانا كۆردىلە، ئىبراھىم تېگىن ئۈچ كۈندىن بېرى تاش بوران قىلىۋاتىدۇ، بىز بولساق مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.
ئۇلار ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە قانداق قىلاتتىڭلار؟
يادىن ئوق ياغدۇرۇپ، تاش بوران قىلغان بولاتتۇق، قاراخان ئاتا.
بەللى! ئەھۋال ئۇقۇشلۇق بولدى. شەھەردىن چىقىپ جەڭ قىلغان بولسلا، لەشكەرى كۆچى نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولغان ئىبراھىم تېگىننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، بېرىپ شەھەرگە مۇكىنىپ مۇداپىئەلىنىشكە مەجبۇر بولاتتىلە، بالام. قارىغۇدەك بولسام شەھەر مۇداپىئەسىمۇ ناھايىتى پۇختا، مۇستەھكەم ئىكەن. بارىكاللا، رەھمەت!
شۇنداق، قاراخان ئاتا. ئاۋام خەلق ئۆز شەھىرىنى ئەنە شۇنداق مۇستەھكەملەپ ھەققانىيەتنى، ئۆز ئامانلىقىنى قوغداۋاتىدۇ. رەھمەت ئېيتىش توغرا كەلسە ئاۋام خەلققە ئېيتىش لازىم. شان شەرەپ ئۇلارغا مەنشۇپ.
ئېلىكخان ئالىيلىرى، بۇ ئادالەتلىرىنىڭ سايىسىدا تىنچ ئاسايىشلىقتا تۇرمۇش كەچۈرگەن ئاۋام خەلقنىڭ ساداقىتىنى نامايان قىلغان كۆرۈنۈشتۇر. ئادىل بولماي زالىم بولغان پادىشاھتىن ئاۋام بېزاردۇر، دېدى گەپ قىستۇرۇپ ئورخۇنبەگ.
زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك تۆپىلىكى خار زارلىقتا قالغان ئاۋام خەلق پادىشاھنىڭ گۇمران بولۇشىنى خالايدىكى، غەلىبە قىلىشىنى تىلىمەيدۇ. پادىشاھ ئاۋام خەلققە سادىق بولمىسا، ئاۋام
خەلقمۇ پادىشاھقا سادىق بولمايدۇ، دېيىشتى قۇتلۇقبەگ بىلەن بۆرىبەگ.
ھەربىرىڭلارنىڭ كېلىشلىرىنى بىلىپ، ئاۋام خەلقنىڭ خالىس كۈچ چىقىرىشى بىلەن مانا شۇنداق تەدبىر كۆرگەن، قاراخان ئاتا. ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ ئاۋام خەلقنى، يېقىننى خۇرسەن قىلىشتىلا. ئەمدى بىز ئەمىرلىرى بىلەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ بارگاھ قۇرۇپ جەڭ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق، بايبەگ ئىنائال تېگىن قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبلىكخان، بەگىيۈسۈپلەر ئوردۇكەنتكە يېتىپ بېرىپ پايتەختنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن، بارسغانغا كېلىدۇ. ئۆزىنى بۇغراخان ئاتىۋالغان ئىبراھىم تېگىن، بوزاغۇ باشلىق قارانىيەلەر ھەققىانىيەتنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئىبلىكخان بالام. ئەتەدىن باشلاپ جەڭگاھتا ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىلى، دېدى توغرۇل قاراخان نۇسرەت قازىنىش ئىشەنچى كۈچىيىپ.
بارسغاننىڭ شەرقىي دەرۋازىسىمۇ ئېچىلىپ، ئىككى خانلىق، ئىككى بارگاھ ياسالدى. توغرۇل قاراخان بارگاھىغا بەش تۇغ، ئىنائال تېگىن بارگاھىغا تۆت تۇغ قادالدى.
ئەتىسى ئەتەگەندە بارلىق لەشكەرلەر سەپراس بولدى. جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ بۇ تەرەپتىن بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا كىرگەن ئەرتاتان بولدى. ئۇ ئىبراھىم تېگىن تەرەپتىن كىرگەن ئۈچ رەقىبنى ئاتتىن يىقىتىپ تۆتىنچىسىگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ غولىغا ئوق تېگىپ يارىلاندى. ئارسلان شامالدەك ئۇچۇپ كېلىپ، ئاكىسىنى زەخمىلەندۈرگەن چاپاۋۇل بىلەن ئېلىشتى.
ئىككى سىپاھ بىلەن يېتىپ كەلگەن ئەلچىلەر ئەرتاتاننى جەڭگاھتىن ئېلىپ كەتتى.
ئارسلان بۇ قارام رەقىبى بىلەن قىلىچ، ئوقۇت، نەيزىلەر بىلەن بىر سائەتتەك ئېلىشىپ، تەڭ چىقىپ قالدى. ئۇلار
قوراللىرىنى قويۇپ پىيادە بولۇپ بەل تۇتۇشتى. ئارسلان ئاكىسىنى يارىلانغان بۇ كۈچتۈڭگۈر چاپاۋۇلنى قاتتىق بىر كۆچەپ كۆتۈرۈۋالدى. ئايلاندۇرۇپ - ئايلاندۇرۇپ يەرگە ئاتتى. ئىككى تەرەپتىكى سىپاھلار چۇقان كۆتۈرۈشتى.
— بۇرادەر، ئەمدى قايتىپ كەت. ئاكامنىڭ قېنىنى ئالدىم! — دېدى ئارسلان.
— ياق - ياق. بۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ قانداق يۈرىمەن؟ قايتىپ بارساممۇ، چاپاۋۇللار بېشى مۆڭسۈزبەگ مېنى ئامان قويمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە بوغۇزۇمغا پىچاق سۈر، — توپا - چاڭغا مىلىنگەن چاپاۋۇل ئورنىدىن تۇرمىدى.
— بىز بىر قېرىنداش. بىر - بىرىمىزنى ئۆلتۈرسەك يامان بولىدۇ. ھەققىانىيەت تەرەپتە تۇرۇشنى خالامسەن زادى؟
— خالايىمەن.
— ئۇنداق بولسا ئەل بولۇپ، ئىنال تېگىن ئېلىمىزدىن كەچۈرۈم سورا.
چاپاۋۇل بىر ھازا باش سېلىپ ئويلاندى. ئاستا ئورنىدىن تۇردى. زوۋان سۈرمەي ئىنال تېگىن بارگاھىغا قاراپ ماڭدى. ئارسلان ئىبراھىم تېگىن لەشكەرلىرىگە:
— مەندۇرمەن ئاشانبۇقانىڭ ئوغلى، ماڭغان يولۇم توغرا. ئالدىمغا كېلىپ ئەل بول، تۇتۇۋالماي دېسەڭ چوغنى! — دەپ نەرە تارتتى. ئارقا - ئارقىدىن كىرگەن توققۇز چاپاۋۇلنى زەخمىلەندۈرۈپ ئاتتىن موللاق ئاتقۇزدى. تۆتى ئەل بولۇپ، ئۈچى ئاقساپ مېڭىپ ئۆز قوشۇنىغا قايتتى. بۇ كۈنكى جەڭ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئەتىسى بىرىنچى بولۇپ جەڭگە كىرگەن يەنە ئارسلان ئاشانبۇقا ئوغلى بولدى. ئۇ ئۈچ رەقىبىنى ئېغىر يارىلان دۇردى، ئىككى رەقىبىنى قاچۇردى. غەزەپلەنگەن مۆڭسۈز ئۆزى يارىلانغان شىردەك ھۆركىرەپ جەڭگە كىردى. ئۇ ياش، قابىل ئارسلاننى ئوبدان كۆزىتىپ، تېخى جەڭ ماھارىتىنىڭ پىشىپ
يېتىلمىگەنلىكىنى، لېكىن ناھايىتى كۈچلۈك، غەيرەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا، ئېھتىيات يۈزىسىدىن نۆۋەتنى ئونىڭغا بەرمەي بىرىنچى بولۇپ ئۆزى قول سالدى. چاپقان قىلىچىنى ئارسلان گۈرزە بىلەن توسۇپ، ئىككى پارە قىلىۋەتتى - دە، قەھرى بىلەن نەيزە ئوردى. مۆڭسۈز ئۆزىنى تېز قاچۇرۇپ، ئونىڭ چىكىسىگە گۈرزە بىلەن ئۇرۇۋەتتى. دۇبۇلغىسى ماچىيىپ بېشى يېرىلغان ئارسلان داڭغىل يەرگە يىقىلدى. كۆز تىكىپ تۇرغان ئەلچىلەر دەرھال كېلىپ ئونى جەڭ مەيدانىدىن ئېلىپ چىقتى.
— مەندۇرمەن چاپائۇللار بېشى مۆڭسۈزبەگ، ئۇنتۇپ قالغان بولساڭلار ئەسكە ئېلىڭلار، قورقمىساڭلار ئېلىشىشقا كېلىڭلار. قورققان بولساڭلار ئەل بولۇڭلار! — دەپ ھەيۋە قىلدى.
تۇغرۇل قاراخاننىڭ چاپائۇللار بېشى بۆرىبەگنىڭ چاپائۇللىرىدىن يەتتىسى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كىرىپ، ئۈچى مۆڭسۈزنىڭ قىلىچى تېگىپ ئۆلدى. تۆتى يارىلىنىپ ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ كۈنكى جەڭمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
يەكمۇيەك ئېلىشىش جېڭى يەتتە كۈن داۋام قىلدى. مۆڭسۈز قارشى تەرەپنىڭ يۈزدىن ئارتۇق باتۇرلىرىنى ئۆلتۈردى، زەخمىلەندۈردى. ئېلىكخاننىڭ ئەلچى تۈپۈللىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۆدۈللۈق ئېلىپ كەلگەن يارىدارلارنى كۆرۈپ، يارىلىرىنى تېڭىپ، شەھەر ۋە ئوردا ئىچىدىكى ئەلچىخانىلارغا ماڭدۇرۇپ تۇردى.
ئىبراھىم تەگىن مۆڭسۈزگە «ئالىپ چاغرىبەگ» ئۇنۋانىنى بەردى. ئۇ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي قالدى.
— بۇغراخان ئالىيلىرى، جېنىم تېنىمدە بولىدىكەن، تۇغرۇل قاراخان ۋە ئىنال تەگىنلەرگە كۈن بەرمەيمەن. بىر ئۆزۈم ئولارنىڭ باھادۇرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكۈچە جەڭگاھتىن قايتمايمەن! — دەپ مەيدىسىگە ئۇردى.
بوزاغو، دوقاقبەگلەر:
— چاپاۋۇللار بېشى ئالىپ چاغرىبەگ، پۈتۈن ئۈمىدىمىز سىزدە. سىز جەڭگاھتا جەۋلان قىلىڭىز، توغرۇل قاراخان، ئىنائەت بەگلىكەر قاچىدىغانغا كامار تاپالماي قالسۇن. ئاللا سىزگە مەدەتكار، — دەپ يەل بېرىشتى.
مۇڭسۇز قىلىچىنى سۇغاردى: «ماڭا تەڭرىتائالا مەدەتكار، ئازغۇنلار، ھەممىڭنىڭ ئەجىلى مېنىڭ قولۇمدا…» ئۇ جەڭگاھقا ئات چاپتۇرۇپ كىرىپ خىتاب قىلدى:
— ھەي توغرۇل قاراخان، بايبەگ ئىنائەت بەگ! مېنىڭ ئالىپ چاغرىبەگ مۇڭسۇزبەگ ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان كېلەمدۇ؟ باھادىر سانالغان چاپاۋۇللىرىڭلارنى توشقان قوۋلاشقا قويۇڭلار. مەيدانغا ئالىپ چاغرىبەگكە قورقمىسا، مەن بىلەن ئېلىشىشقا كەلسۇن. بولمىسا ئەل بولغىنىنى بىلدۈرۈپ ئالدىمدا تىز لانسۇن، ئامانلىق بېرىمەن!
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي، ئالىپ بۆرىبەگ مەيدانغا كىردى. قارا بۇرۇت، قارا ساقال، بوغداي ئۆڭلۈك كەلگەن بۆرىبەگ ئات ئۈستىدە گويا نۇسرەت قازانغان شاھتەك مەغرۇر ئولتۇراتتى. تۆمۈر ساۋۇت — دۇبۇلغا ئۇنى بەھەيۋەت قىلىۋەتكەنىدى. ئېتىنىڭ يانپىشىغا باتۇرلۇق نىشانى بولغان قۇتاز قۇيرۇقى چېگىلگەنىدى.
— سەن كىم سەن؟ بۇغراخان كىمنى ئۆلتۈردۇق، دېسە ئىسمىڭنى دەپ بېرىلمەي قالماي يەنە، — دېدى مۇڭسۇز ئۈمۈتنى ئوينىتىپ.
— ئىسمىمنى دەپ بېرىشكە ئەرزىمەيسەن خۇمسى! قېنى نۆۋەتنى ساڭا بەردىم. ھۈنىرىڭنى كۆرسەت! — بۆرىبەگمو گۆرزىسىنى كۆز — كۆز قىلىپ ئايلاندۇردى.
ئاچچىقلانغان مۇڭسۇز ئېتىنى چاپپىدە كەينىگە ياندۇرۇپ چاپچىتىپ، ئۇچقاندەك كەلگۈنچە بۆرىبەگكە ئۆمۈت ئۆردى. ئۇ شامالدەك تېز ھەرىكەتلىنىپ، ئۆزىنى قاچۇردى. مۇڭسۇزنىڭ ئۆك قۇلى قاتتىق سىلكىنىپ، ئاغرىققا ئاغرىق كىرىپ كەتتى. ئۆمۈت يەرگە چۈشتى. ئاغرىق دەستىدىن چىرايى پۈرۈشۈپ
غەلىتە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۈن چىقارمىدى. بۆرىبەگمو ئېتىنى بىر چاپچىتىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى دە، گۈرزە بىلەن ئۇردى. مۆڭگۈزىمۇ چاققانلىق بىلەن يانغا تاشلىنىپ تەگمىدى، قولى بەتتەر ئاغرىپ كەتتى. شۇندىمۇ زورلاپ كۈلۈپ:
مەن بىلەن ئېلىشقانلار ئىچىدە سەن خېلىلا غەيۇر ئىكەنسەن. ماڭا بەش مىنۇت ۋاقىت بەر، بارگاھقا بېرىپلا كېلەي، دېدى.
ئارماندا قالما، بېرىپ ئۆزۈلۈشۈپ كەل، بۆرىبەگ ئېتىنى ئارقىغا بۇراپ، جەڭگاھنى ئايلىنىشقا باشلىدى.
مۆڭگۈز بارگاھقا يېقىنلاپ بارغاندا، خانتويدىن ئالدىراپ چىققان ئىبراهيم تېگىن، بوزاغۇلارنى كۆرۈپ توختىدى. ئۇ «نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟ ئەجەب ئۆرتۈپە بولۇشۇپ كېتىپتىغۇ؟» دەپ ئاتتىن چۈشتى دە، ۋاي ۋايلار ئۆلتۈرۈپ قالدى.
بىرقانچە چاپائۇل يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئۇنى يۆلىدى.
دەرھال ئاتاساغۇننى باشلاپ كېلىش ! دەپ ۋارقىرىدى.
بىرنەچچە تۆپىلەر كېلىپ، ئۇنى ياردارلارنى داۋالايدىغان مەخسۇس چېدىرغا ئېلىپ كىردى. تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئوڭ قولىنىڭ تاغىقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جەزم قىلىشتى. ئىككىلەن باش تەرىپىدىن، ئىككىلەن ئايىغىدىن بېسىپ تۇردى. تېۋىپچى تۇتۇپ قولىدىن تارتىپ، ئۇياق بۇياققا سىيرىتىپ بىر تارتىپلا ئورنىغا چۈشۈردى. مۆڭگۈز ئۈن چىقارماي گۆشلۈك لەۋىنى چىشلەپ قانتۇۋەتتى. ئاغرىق بېسىلدى. قولىنى كۆتۈرۈپ، بېشىنى تۇتۇپ باقتى، ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. ئۇ ئاتقا مىنمەكچى بولدى يوق، توختاپ قالدى. خانتوي ئالدىغا كېلىپ:
نېمە ئىش بولدى، بۇغراخان ئائىلىسى يۇرتوغلۇرى بىلەن نەگە كەتتى؟ دەپ سورىدى ئىشىكتە تۇرغان قاراۋۇلدىن.
— ئوردۇكەنتتىن ئادەم كەلگەندەكەن، ئالدىغا كەتتى.
«ئەجەب بۇغراخان ئالدىغا بارغۇدەك شۇنچە كىمدۇ ئۇ؟» دەپ ئويلىغان مۇڭسۇز، جەڭگاھقا قاراپ يولىنى بىر شىلتەپ قويدى — دە، سىپاھىلار ئىككى ياندا سەپراس بولۇپ تۇرغان يولنىڭ ئوتتۇرىسى بىلەن ماڭدى. بىر چاغدا پىيادە كېلىۋاتقان ئىبراھىم تېگىن، بوزاغۇلارنى كۆرۈپ توختىدى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە كۆردىكى، دۇبۇلغا — ساۋۇت كىيىپ، يۈزىگە نىقاب تارتقان بىر چەۋەندازمۇ ئاتلىق كېلىۋاتاتتى. ئۇ سىنچىلاپ قاراپ: «ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربىكە ئىككىنغۇ» دەپ ھىجايدى.
2
ئۇ راستلا قۇماربىكە ئىدى. ئىبراھىم تېگىن ئاتىسىنى خاس چېدىرغا چۈشۈردى.
— ماڭا ئايرىم چۆچاچ تىكىلسۇن، — دەپ بۇيرۇدى ئۇ.
— باش ئۈستىگە، ئالتۇن ت those ت كەن خاتۇن، — بوزاغۇ كەينىچە مېڭىپ شاھانە چېدىر تەييارلاش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. ئۇ مۇشۇ كەمگىچە ئۆزىنى قەيسەربەگ دەپ ئاتاپ، قۇماربىكەنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرمەي كېلىۋاتاتتى. ئۆزىنى ئاشكارىلايدىغان ۋاقىت قاچان كېلەر؟
ئىبراھىم تېگىن ئاتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قەشقەردىن بارسىغانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقۇشقا ئالدىرىسىمۇ، چېچىلىپ تۇرغان قۇماربىكەدىن سوراشقا پېتىنالمىدى. خانىش ئەپروزەبىكە ئېرىنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن ئالتۇن جامغا ئالما شەربىتى قۇيۇپ قېيىنئاتىسىغا تۇتۇۋەردى:
— ماڭا مەي قۇيۇپ بېرىڭ. ھالىڭلارغا قاراپ مەي ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ! — دەپ قولى بىلەن ئىتتىرىۋەتتى. جام يىپەكەندازغا چۈشۈپ شەربەت تۆكۈلدى.
— كەچۈرسىلە خان ئانا، بىلمەي قاپتىمەن، — ئەپروزە
خانىش تەزىم قىلىپ، كېنىزەككە مەي قۇيۇپ كىرىشنى بۇيرۇدى. — سەن ئوغلۇم يېنىمدا ئولتۇر، — قۇماربەككە ئىبراھىم تېگىننىڭ قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزدى، — مەندىن نېمىنشە قورقىدىغانسەن بالام؟ بۇغراخان ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالما! ئىبراھىم تېگىن ئېغىر تىنىپ ئۈن چىقارمىدى. ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر ناھايىتى قورۇنۇپ قېلىۋاتاتتى. خانىش كېنىزەك ئېلىپ كىرگەن خۇمرىدىن كۈمۈش قەدەھكە مەي قۇيدى. قۇماربەككە: — ئاۋۋال ئۆزىڭىز ئىچىڭ بەكەم، — دەپ ئۇزارتقان قەدەھنى ئالمىدى. خانىش ئېرىگە قارىدى. — ئاپا، خاتۇنەم شاراب ئىچمەيدۇ. مەن ئىچىپ بېرەي، — دېدى ئىبراھىم تېگىن. — ياق، نېمىشقا ئىچمەيدۇك؟ بۇيرۇغانىكەنمەن، زەھەر بولسىمۇ ئىچىشى كېرەك، ئوغلۇم. بۇنداق ياۋاش — يۇمشاقلىق بىلەن قانداقمۇ ئەل سورايىدىغانسەن؟ پەرۇزەبەكنىڭ قەدەھ تۇتقان قوللىرى تىترەپ كەتتى. — ئىچىڭ خانىش، بولمىسا قېنىڭىزنى مەن ئىچىمەن! — ھە! ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇمدەك گەپ قىلدىڭ، — قۇماربەككە ئىبراھىم تېگىننىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. خانىش ئامالسىز قەدەھتىكى مەينى تەستە ئىچىپ تۈگەتتى. يۈزلىرى پۆرۈشۈپ قېقىلىپ كەتتى. — ئەمدى ماڭا قويۇڭ بەكەم. مەي دېگەن بىر خوشلۇق، بىر خاپىلىقتىن كېيىن ئىچىدىغان نەرسە، — دېدى قۇماربەككە مەنىلىك قىلىپ. يۈزلىرى قاندەك قىزارغان پەرۇزەبەككە قەدەھكە مەي قۇيۇپ سۇندى. ئارقا — ئارقىدىن ئۈچ قەدەھ ئىچكەن قۇماربەككە سۆزگە كىرىشتى:
— ئوغلۇم، نېمە ۋەجىدىن بۇنداق ئۇشتۇمتۇت كېلىشىڭنىڭ سەۋەبىنى ئوقۇشقا ئالدىراۋاتقانسەن؟ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېيتىقۇم كەلمىدى. ساڭا دېسەم مەن ئوردىدىن قېچىپ كەلدىم!
— نېمە! قېچىپ كەلدىڭ؟ بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ — ئىبراھىم تېگىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
— بۇ جېنىمنى ئاران قۇتقۇزۇپ كەلدىم دېگىنىم، بۇغراخان بالام، — قۇماربەككە كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
— مەن سۆزلىرىڭنى چۈشىنەلمىدىم، ئابا.
— ئاڭلىماقچى بولساڭ ئولتۇرغىن بالام، سۆزلەپ بېرەي، — قۇماربەك ئوغلىنى قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزدى، — ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەر ئەۋەتكەن پەرمانغا پىسەنت قىلماي، نۇرغۇن لەشكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ ئوردىنى قورشىۋالدى. مەن دەرھال ئوردا ئەيياردىن لەشكەرلەرنى تېزدىن قايتۇرۇپ بىزنى قۇتقۇزۇشۇڭنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتكەنىدىم. لېكىن، ئۇچۇر بولمىدى. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخاننى نامەردلىكتە ئەيىبلەپ، شەھەرگە بېسىپ كىرىشنى ئارقىغا سۈرمەكچى بولدۇم. بارلىق ياساۋۇل، قاراۋۇل، نۆكەرلەرنى، ھەتتا كېنىزەكلەرنىمۇ سېپىلغا چىقاردىم. ئۆزۈممۇ چىقىپ، ئاز دېگەندە ئۇلارنىڭ نەچچە ئون سىپاھىنى يادىن ئوق ئۈزۈپ ئۆلتۈردۈم. ئون نەچچە كۈن قاتتىق ئېلىشتۇق. ئاخىر بولالماي، ئىككى ساداقەتمەن كېنىزەك بىلەن سېپىلدىن قېچىپ چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئەركەچە ياسىنىپ، ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېگى بۇگۈشنىڭ يول باشلىشى بىلەن سېپىل ئاستىدىكى سۇ كىرىدىغان سۇڭگاچتىن شەھەر سىرتىغا چىقىۋالدۇق. كېچە كۈندۈز مېڭىپ ئاخىر بارسىغانغا كەلدۇق. بۇگۈش يول باشلىمىغان بولسا ھەرگىز دىدارىڭنى كۆرەلمەيتتىم، بالام. ئۇ خىزمىتىمنى ساداقەتلىك بىلەن ئادا قىلدى. ئونىڭغا چاغرىبەگ ئۇنۋانىنى بېرىپ، قارام، ئىشەنچسىز
مۆڭگۈزنىڭ ئورنىغا چاپاۋۇللارباشى قىلىپ قوي. بولمىسا مۆڭگۈز بېشىمىزغا بالا بولىدۇ.
— بالا بولىدۇ؟ ياق، ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ، ئابا. توغرۇل قاراخان، ئىنائال تېگىنلەرنىڭ خېلى كۆپ باھادىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، زەخمىلەندۈرۈپ، ئۇلارنى يۈرەكسىز قىلىۋەتتى. مۆڭگۈزگە مەن «ئالىپ چاغرىبەگ» ئۇنۋانىنى بەردىم، — دېدى ئىبراھىم تېگىن. ئۇنىڭ ئۆكتەم، ھازىرجاۋابلىقى تېكىننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى بىرىنچى قېتىملىقى ئىدى.
— نېمە! بىزنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ، دېدىڭمۇ؟ ئۇنداق بولسا شۇنچە كۆپ لەشكەر بىلەن نېمىشقا بۇ ۋاقىتقىچە بارسغاننى ئالالمىدۇق؟ چاپاۋۇللارباشى تۇرۇپ شەھەرگە بېسىپ كىرەلمەپتىغۇ؟… — قۇماربېكە ئالدىراپ كىرىپ كەلگەن بوزاغۇنى كۆرۈپ سۆزىنى توختاتتى.
— تۈركەن خاتۇن ئالىيلىرى، چۆۋاش ياسىلىۋاتىدۇ. مەن ئەڭ نادىر ئۇستىلارنى تاللاپ ئىشقا سالىپ قويدۇم. كېچە كىرگۈچە پۈتىدۇ، — دېدى بوزاغۇ سىڭلىسىنىڭ چەچىپ قارىشىدىن شۈركۈنۈپ.
— كېچە كىرگۈچە پۈتمىگەن چۆۋاشنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، — قۇماربېكە ئاچچىقى بىلەن خانىشقا قارىدى، — سېمىز چىقىپ ئۈچ كىشىلىك تاماقلىق تەييارلاتقۇزۇڭ.
— باش ئۈستىگە، خان ئانا، — چىقىپ كېتىشكە باھانە تاپالماي تۇرغان ئەپروزەبىكە ئىشىككە قاراپ تېز ماڭدى.
— ھە، گەپ قىلمامسەن، بالام؟ — قۇماربېكە شۈك بولۇپ كەتكەن ئىبراھىم تېگىننىڭ بېقىنىغا نوقۇدى.
— ئابا، مانا تاغام تۇرۇپتۇ. كېچىسى ئىنائال تېگىن بارگاھىغا قېچىپ بارغان ھوشۇربەگ بىزنىڭ بارسغان قەلئەسىگە بېسىپ كىرەلمىغانلىقىمىزنى دەپ قويۇپتۇ. شۇ تۈپەيلى لەشكىرلىرى بىلەن ئىنائال تېگىن شەھەرگە كىرىۋالدى. يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ، ھۇجۇم قىلغان چاپاۋۇللىرىمىزنى سېپىلغا يېقىن
يولاتمىدى. موڭغۇل نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپمۇ شەھەرگە كىرەلمىدى. بارغاننى ئالالمىدۇق. ئەمما… — نېمە ئەمما بالام؟ توققۇز توغلۇق شۇنچە كۆپ لەشكەر بىلەن بارغاننى ئالالماي، يەنە موڭغۇل ئانداق ھۇجۇم قىلدى، مۇنداق ھۇجۇم قىلدى دەيسىنا! — ئونىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ئاچچىقلاندى. — ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ دېگەنلىرى توغرا، سىڭلىم. موڭغۇل چاپائۇللىرى بىلەن بارغاننى ئالالمىغان بولسىمۇ، يەككەمە-يەك جەڭدە ئاجايىپ باھادىرلىق كۆرسەتتى. — باھادىرلىق كۆرسەتتى؟ يەنە شۇ گەپ، — قۇماربىكە بوزاغوننىڭ سۆزىنىمۇ ئۈزۈپ قويدى، — كېيىن بىلىپ قالىسىلەر. ئەگەر موڭغۇل چاپائۇللارباشى بولۇپ تۇرۇۋېرىدىغان بولسا، بىزگىمۇ ئانا — مانىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ موڭغۇلنىڭ تېپ تارتماي ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغىنىنى دېمىگەن بولسىمۇ، ئونىڭغا ئىشىنىشكە، سۇباشى قىلىشقا ھەرگىز بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، دىدارىنى كۆرۈشكە تاقىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. — سەۋر قىلىلا، سىڭلىم، بۇ چاغقىچە موڭغۇلدىن پايدىلىنىپ كەلدۇق. قانداقلا بولسۇن ئۇ بىزگە زىيان يەتكۈزمىدى، — دېدى ھېلىلا يېڭى قۇرۇلغان چۆۋاققا قۇماربىكەنى باشلاپ چىققان بوزاغو، — نىيىتى راست يامان. لېكىن، ئونى چاپائۇللارنىڭ سەردارلىقىدىن دەرھال ئېلىپ تاشلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ چاپائۇللارنى ئۆزىگىلا بويسۇندىغان قىلىپ قويغان. ئېلىپ تاشلىغان تەقدىردە، چاپائۇللىرى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرۈشتىن يانمايدۇ. ئويلىنىپ كۆرسەك، ئۇشتۇمتۇت كېلىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى بەكمۇ بىلگۈم بار، سىڭلىم، — بوزاغو پەسكويغا چۈشكەن قۇماربىكەگە سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلدى. — ئاكا، ئوردۇكەنتتىن ئۆتەكەن ئەييار چاپارمەن بۇ يەرگە
كەلمەپتۇ دە؟ كەلمىدى. شۇڭا مېنىڭ بارغىنىمغا تۇيۇقسىز كېلىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن ئىكەنلا دە، ئاكا! ھېلى ئوغلۇمغا دەپ بەردىم. مەن سەيلە ساياھەتكە ئەمەس، جان ساقلىغىلى قېچىپ كەلدىم، ئۇ ئەھۋالنى تولۇق سۆزلەپ بەردى. بوزاغۇننىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى: «ئوردۇكەنت قولدىن كەتكەن بولسا، تۈگەشىپتۇق…» ئاكا، نېمە بولدىلا؟ جىمىپ كەتتىڭغۇ. ماقۇل، ھازىرچە مۆڭسۈز چاپاۋۇللارباشى بولۇپ تۇرۇۋەرسۇن. بەلكىم جەڭدە بېشىنى يەر. ئامان قالسا بىر كۈنى ئۆزۈم بۇرنىنى بۇلاق قىلىۋېتەرمەن. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن. ئەمدى سىلەرگە دەيدىغان يەنە بىر شۇم خەۋەر بار. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان، بەگىيۈسۈپلەر ئوردۇكەنتتە يېتىۋەرمەيدۇ. پات ئارىدا لەشكەر تارتىپ بۇ يەرگە كېلىشى مۇقەررەر. ئۇلار كەلگۈچە بارغىنىنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇلار كېلىپ قالسا ئالالمايلا قالماستىن، بەلكى مەغلۇپ بولۇپ كۆتمىگەن ئاقىۋەتكە قېلىشىمىز مۇمكىن، قۇماربەككە نەزىرىنى ئوغلۇمنىڭ تەشۋىشلىك چىرايىغا قاراتتى، ئوغلۇم، مەن ئوردۇكەنتتىن قېچىپ چىققانمىدا، بارسغانغا بارسام تەنتەنە قىلىپ كۈتۈۋالدى، ئىقبال تېگىننىڭ كېسىلگەن بېشىنى كۆرسىتىدۇ، ئەھۋالنى ئۇقۇپ دەرھال ئاتلىنىپ ئوردۇكەنتكە بارىدۇ، ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەرنى تۇتۇپ كاللىسىنى ئالىدۇ، دەپ ئويلىغانىدەم. ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولۇشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم. ئەمدى قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. ئەتە مۆڭسۈزنى چاپاۋۇللىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇرايلى، ئوغلۇم. ئاكام ۋە دوقاقبەگلەر بارلىق سەرگەردىلەرنى جىددىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شەھەرگە جەزمەن بېسىپ كىرىشى كېرەك. بۈگۈن ئاخشام سىپاھلارنى شېرىن تائام، ياخشى سۆز بىلەن روھلاندۇرۇش
زۆرۇر. ئوغلوم ھازىرلا پەرمان چۈشۈرسۇن! — سىڭلىم، يەنىلا بىزنى سىلى غەلىبىگە باشلاپ بارىدىغان بولدىلا. مەن ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ پەرمانىنى يوغروش، سۇباشى، سەرگەردىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئەتە ئاخشاملىق ئۇرۇشقا تەييارلىققا كىرىشەي. قانداقلا بولمىسۇن مۆھتەرەم ئاكىمىز بىلەن ياخشى گەپ قىلىپ، كۆڭلىنى ياساپ قويسىلا. ئۇنىڭ جەھلى قېتىپ قالالمىسۇن. — ماقۇل ئاكا. ئوردىدىكىلەرنىڭ قولدىن كەتكىنىنى بىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمىسۇن. كېچىچە مۆھتەرەم ئاكىمىز بىلەن ئايرىم-ئايرىم چۆچەكتە كۆرۈشەي. ئىككىلىسى بىر-بىردىن قېلىشمايدىغان كالۋا كېسەللەر. بىرى ھەممىمىزنىڭ تۆپىمىزگە چىقىپ مېغىز چاينىماقچى، بىرى نېمە دېسەك ماقۇل دەپ جان ساقلىماقچى. ئۇلارنى ئوبدان تارتۇقلاپ قوياي. — بولىدۇ، سىڭلىم. قالغىنى گەپ بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كىرەي، — بوزاغۇ چىقىپ كەتتى. قۇماربىكە ئىبراھىم تېگىننىڭ دولىسىغا قولىنى قويدى: — ئوغلوم، سەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ بۇغراخانى، شاھىنشاھى سەن. ھۆكۈمدە قەتئىي، سۆزدە كېسكىن، سالاپەتلىك بولۇشۇڭ، ئادەمنى تاللاپ خىزمەتكە قويۇشۇڭ، ئۆزۈڭگە سادىقلار بىلەن ئەتراپىڭغا پولات قورغان بەرپا قىلىشىڭ زۆرۇر. مەن داۋاملىق يېنىڭدا بولالمايمەن. يېنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. سەگەك بولغىن. ئەتە ئاخشاملىق ئۇرۇشقا ياخشى قوماندانلىق قىلغىن. زۆرۇر تېپىلسا جەڭگە كىرىشتىن ئىككىلەنمە! — باش ئۈستىگە ئاپا. مەن سىلى ئويلىغاندەك ئۇنداق بوش، ياۋاش، يۇمشاق ئەمەس. قولۇمدا قىلىچ، گۈرزە توختايدۇ. تەشۋىشسىز دەپ ئاتالغان غەيۇر چەۋەندازنىمۇ تەمتىرىتىپ قويالايمەن. ئەتە بارىدىغان جەڭمۇ بېسىپ كىرىپ ئوردىدا بەگ تەختىنى ئۆتكۈزۈمەن، ئاپا.
— خۇدا تىلىكىڭگە يەتكۈزسۇن. ھەرگىز بەل قويۇۋەتمە، بالام. — زىنھار ئابا، ئارام ئېلىۋېلىلا. — ماقۇل بالام. مېنى بىر كىم ئويغىتىۋەتمىسۇن. — بۇ چاغقىچە سىلى ئويغانغىچە ھېچكىمنى كىرگۈزمەيمەن. ئىبراھىم تېكىن چېدىرنىڭ دالان ئۆيىگە چىقىشىغا، تامغالىقنى ئىككى كېنىزەككە كۆتۈرتۈپ خوتۇنى كىردى. — خانىش تامغالىق تۇرۇپ تۇرسۇن. ئابام ئارام ئېلىۋاتىدۇ. سىز كېنىزەكلەر بىلەن مۇشۇ يەردە ساقلاڭ. مەن خانتويدا بولىمەن، — دېدى ئۇ. — ماقۇل شاھىنشاھىم، — ئەپروزەبىكە بېشىنى ئەگدى. ئىبراھىم تېكىن جاندارلىرى بىلەن خانتويغا كىرگەندە، بوزاغو يۇغرۇش، سۇباشى، سەرگەردىلەرگە پەر ماننى يەتكۈزۈۋاتاتتى. ھەممىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇ تەختكە چىقىپ دېدى: — يۇغرۇشباشى قەيسەربەگ پەر مانىمنى يەتكۈزگەن بولسا، ئادا قىلىش ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتىڭلار. بارسغاننى پەتھى قىلغاندىن كېيىن جەڭدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن سۇباشى، سەرگەردىلەرگە تارتۇق، كېنۇت تەقدىم قىلىنىدۇ. مۇنبەت زېمىنلار سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلىدۇ. بارلىق سىپاھلارغا ئۆمرىگە يېتىپ ئاشقۇدەك ئىنعام بېرىلىدۇ. ئۆلارنىڭ بارسغان شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، كۆزى چۈشكەن، خالىغان نەرسىلەرنى، ھەتتا قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلىدۇ. بۇ پەر مانىمنى ھازىرلا سىپاھلارغا يەتكۈزۈڭلار. قوشۇننىڭ غەزەپلىنىپ، ئوبدان ئارام ئالسۇن. ئەتە ئوياقتىن كۈن چىقسا، بۇياقتىن جەڭگە ئاتلىنىمىز! — پەرمانبەردارىمىز ئالىيلىرى، — ھەممىلەن قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. ئونى مەنىستىمىگەن مۇڭسۇز ئۈن چىقمىدى.
— چاپائۇللارباژ كىرىسىز. سىز، — ئىجازەت داۋاملاشتۇ، يەر چىش!
— سە ئالد — ف قويمايمەن، ت سوغارغان قىلىچىنى كېتىشتى. ئۇ سۆزىنى داۋ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن م مەن پۈتۈن قاراخانىيلار ئېلىنى ھەير ئىجازەت بەرسىلە، پەرمانلىرىنى چاپائۇللار جاسارىتىمنى كۆرگۈتەي! — ئىجازەت!
ئىلاپ ياسائۇللارباشى بۈگۈش دارلارباشى بولۇپ ھەمىشە ، ۋە خەزىنە ئۆزلىرىنى كىيدۈرۈشنى بۇيرۇدى. يە، تىكىپ مۇھاپىزەت — دۆلەتشاھنىڭ زىرىگە ئەگىشىپ نادان، تەلۋە بولسىمۇ بەك لازىم.
ئەتتى. قۇرۇپ بەك يەن
مۆگۈسۈز قىلىچىنى كۆتۈرگەن پېتى خانتويىدىن چ كەتتى. — بۇ ئاخشامقى بەگ تەرىكىسى سىپاھلارنىڭ چېدىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يۇغرۇش، سۇباشى، سەرگەردە، سانغۇنلار سىپاھلار بىلەن بىللە بولىدۇ. مەنمۇ سىپاھلار بىلەن بىللە شاراب ئىچىمەن، — دېدى ئۆمىردە بۇنداق مەردانىلىك بىلەن گەپ قىلىپ باقمىغان ئىبراھىم تېكىن، ئانىسى گويا ئۇنىڭغا ئەگۈشتەر ئۈزۈك سېلىپ قويغاندەك روھلىنىپ قالغانىدى. ئۇ بوزاغو، دوقاقبەگنىڭ ھەمراھلىقىدا جاندار، يۇرتۇغلۇرى بىلەن خانتويىدىن چىقتى.
3
بارسخان شەھىرىنىڭ سىرتىدا، غەرب ۋە شەرق تەرەپتە يەنە ئىككى شەھەر پەيدا بولغانىدى. بۇ شەھەرلەر خىش، ياغاچتىن بىنا قىلىنغان بولماي، بەلكى پاختا، يىپەك، يۇڭ رەختلەردىن تىكىلگەن ناھايىتى كۆپ چېدىرلاردىن بەربا قىلىنغانىدى.
ئىبراھىم تېگىننىڭ سىپاھىلىرى تۇرۇۋاتقان شەرق تەرەپتىكى چېدىرلار ۋاك - چۇكا تولدى. ئۇ بىر قانچە چېدىرغا كىرىپ «بەگ تەرەكسى»گە داخىل بولغاندىن كېيىن، قاش قارايغان مەھەللىدە، جاندار، يۇرتۇغلارنى سىرتتا قالدۇرۇپ، قۇماربەككە ئاتاپ ئالاھىدە تىكىلگەن يىپەك چاۋاققا كىردى، ئانىسى بۈگۈش بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى.
— كەلگىن بالام، كەلگىن. سېنى ساقلىغىلى نەۋاق. مانا مېنى ئوردۇكەنتتىن بارسخانغا ئېلىپ كەلگەن ياساۋۇللاربېشى بۈگۈشبەگ. ئونىڭغا چاغىربەگ ئۈنۋانىنى بېرىپ، جاندارلاربېشى قىلىپ يارلىق چۈشۈرۈشۈڭنى ئۆتۈنىمەن، — دېدى ئورنىدىن تۇرغان قۇماربەككە.
تۇرقۇدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلدەك كۆرۈنىدىغان، چېھرى كۆرۈمسىز، ئۈستىخىنى كېپەكسىز بۈگۈش ئورنىدىن تۇرۇپ تىزىلاندى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ھايات چېغىدا، بوزاغۇنىڭ سادىق مالىيى بولغان بۈگۈشنى ئونىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئوردا ياساۋۇللۇقىغا بەلگىلەپ قويغانىدى. ئىبراھىم تېگىننىڭ تەختكە چىقىشىدا رەھىمسىزلەرچە ئادا قىلغان خىزمىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، قۇماربەكنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ئۇ ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېشى بولۇپ قالغانىدى…
خىيالىدىن شۇلارنى ئۆتكۈزگەن ئىبراھىم تېگىن:
— جاھان خاتۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمدارى ئاپا، ئۆزلىرىنىڭ
دېگەنلىرى پەرمان. شۇ تاپتىن باشلاپ ياساۋۇللاربېشى بۈگۈش ئالىپ چاغىربەگ ئۇنۋانى بىلەن جاندارلاربېشى بولۇپ ھەمىشە مېنىڭ يېنىمدا بولىدۇ، — دېدى ۋە خەزىنە ۋەزىرىنى چاقىرتىپ، بۈگۈشكە يېڭى تون، سەرپاي كىيدۈرۈشنى بۇيرۇدى. — رەھمەت ئالىيلىرى. ئۆزلۈرۈنى جان تىكىپ مۇھاپىزەت قىلىمەن، — ئورنىدىن تۇرغان بۈگۈش ساۋۇت — دۇبۇلغىسىنىڭ يېڭىلانغانلىقىدىن خوش بولۇپ، خەزىنە ۋەزىرىگە ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى. — ئوبدان بولدى بۇغراخان بالام. بۈگۈش نادان، تەلۋە كۆرۈنسىمۇ ساداقەتمەن. مۆڭسۈز قاپ يۈرەك بولسىمۇ ئىشەنچسىز. ئۇلارنى بىر — بىرىنىڭ پېيىغا چۈشۈرمەك لازىم. ئەمدى سەن چىقىپ مۆڭسۈزنى كىرگۈزۈۋەت. — ماقۇل ئابا، — ئىبراھىم تېگىن ئىشىككە قاراپ ماڭدى. — توختىغىن بالام، — قۇماربېكە يەلكىندىن تۇرۇپ ئىبراھىم تېگىننى ھىدلاپ باقتى، — شارابنى كۆپ ئىچكەندەك تۇرىسەن، ئەمدى ئىچمىگىن، شاراب دېگەن ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدۇ. — بىلمەپمەن ئابا، سىپاھلارنىڭ چېدىرلىرىدا ئىچىشكە توغرا كەلدى. خاتىرجەم بولسىلا، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويمايمەن. ئىبراھىم تېگىن چىقىپ، يېڭى لىباس كىيىپ سۆلەتلىك بولۇپ قالغان جاندارلار باشى بۈگۈشنى مۆڭسۈزنى چاقىرىپ كېلىشكە چاپاۋۇللار ئورۇنلاشقان تۇراققا ئەۋەتتى. كۆك ئاسمان يۇلتۇز بىلەن، يەر يۈزى بولسا ئوتقاش بىلەن تولغانىدى. ھەربىر سىپاھنىڭ قولىدا بىر ئوتقاش، ھەربىر چېدىر ئالدىدا گۈلخان… قىلىچ — نەيزىلەردە ئوتنىڭ شولىسى، كۆل، دەريالاردا ئاي يۇلتۇزنىڭ شولىسى چاقنايتتى. بۇ شۇنداق ئاجايىپ سىرلىق كېچە ئىدى. غۇيۇلداپ چىقىۋاتقان كۈز شامىلى دەل — دەرەخلەرنىڭ غازىڭىنى تۆكۈپ، گۈل — گىياھ، شاخلارنى ئۇسسۇلغا سالغانىدى. خىلمۇخىل قوشلارنىڭ
ۋىچىرلاشلىرىنى بۇلبۇل، تورغاينىڭ مۆگلۈك ساداسى بېسىپ چۈشكەنىدى. لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاننىڭ چوپانلار - چورۇسلۇرىغا ياقىنىڭ كۆركىراشلىرى، يىلاننىڭ كۆشۈلداشلىرى قوشۇلۇپ كەتتى.
بۇلارنىڭ ھۆۋلىشىغا قۇلاق سېلىپ كېلىۋاتقان مۆڭگۈزلۈك قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئايلاندى. «ئەتە بارسىغانغا چوقۇم بېسىپ كىرىشىم كېرەك. ھەربىر ئائىلىدىكى زەردار، ئەتتارلار يىغىپ توپلىغان بايلىقلارلا ئەمەس، ئېلىكخاننىڭ ھەرەمدىكى ۋە ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن - كۈمۈش، جاۋاھىراتلارمۇ مېنىڭ ئولجام بولىدۇ. كىم كۆزىنى قىزارتسا، ئىبراھىم تېگىن، بوزاغۇ بولغان تەقدىردىمۇ، ئاياپ قويمايمەن…» دەپ ئويلاپ، كەينىدىن كېلىۋاتقان بۆگۈشكە كۆز سېلىپ قەدىمىنى ئاستىلاتتى.
— جاندارلاربېشى بولغىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، ياساۋۇل. ئامىتىڭىز بار ئىكەن، — دېدى ئونىڭ بىلەن قاتارلىشىپ مېڭىپ.
— سىزمۇ بىر جاللات، گۇندىپاي ئىدىڭىزغۇ، چاپاۋۇللاربېشى؟ سىزمۇ ئامەتلىك ئىكەنسىز، — بۆگۈش بوش كەلمىدى. «ئىچى تارلىق قىلىۋاتقىنىنى قارا بۇ دەيۈزنىڭ. بۇغراخانغا ئېيتىپ ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقمىسام بۆگۈش بولماي كېتەي» دەپ ئىچىدە غوتۇلدىدى.
«سەن بىر مالاي. قارىغاندا ئابىنچۇ خاتۇنغا ياراپ قالغان ئوخشايسەن. مۆڭگۈزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن چېغىڭدا زوۋان سۆرەلمەي قالىسەن كالۋا…» دەپ ئويلىغان مۆڭگۈز بۇرنى تۈكۈردى - دە يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار دۇتارنىڭ مۆگلۈك ئۈنى ئاڭلىنىپ تۇرغان شاھانە چېدىر ئالدىغا كېلىپ توختىدى. قارائۇللاردىن سورىمايلا، يولۋاس تېرىسى چاپىلاپ ياسالغان ئىشىكتىن كىردى. ئونلىغان شام چىراغ كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن چېدىر ئىچى پارىلداپ تۇراتتى. تەختتە ئولتۇرغان
قۇماربېكە ئۇنىڭ كىركەملىكىنى تويمىغاندەك دوتارىنى چېلىۋېرىدى. «تىلى شېرىن، دىلى زەھەر بولغان ئابىنچۇ خوتۇننىڭ سازىغا ھەۋەس قىلىشى ئەجەب ئىش. مەن بولسام ئۆچ كۆرىمەن. تەمبۇر، ساتارنىڭ ئاۋازى قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ…» مۆڭسۈز خىيالچان ھىجىيىپ: — جاھان ئاياللىرىنىڭ نازاكەتلىك ھۆكۈمدارىغا سالام، — دېدى ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، ئەمما ئېگىلمىدى. قۇماربېكە شۇنداق قاراپ، دوتارىنى تەختكە يۆلەپ قويدى. ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخان ھايات ۋاقتىدىكىدەك پۇزۇر كىيىنىۋالغانىدى. يۇپقا قارا ھېلھىلە چۈمبەل سۈر بولۇتتەك جامالىنى توسۇۋالغانىدى. بىر ئايدىن بېرى ياداپ تارتىلىپ زىلۋالىشىپ قالغان قۇماربېكە مۆڭسۈزنىڭ كۆزىگە جۇۋاندەك ئەمەس، يېڭىياچە چوكاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. — ئالىپ چاغرىبەگ ئامان بولغاي، — دېدى خانىش قەدىمىنى رۇسلاپ كۈلۈمسىرەپ، سىنچى كۆزلىرى بىلەن سەپسالغان ھالدا. مۆڭسۈز ئۇنىڭ تەكلىپ قىلىشىنى كۈتمەيلا تەخت يېنىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. قىنىغا سېلىقلىق قىلىچىنى تىزىغا توغرا قويۇۋالدى. — دىدارلىرىغا مۇشتاق بولغانىدىم، ئالتۇن تارىم. تىلىكىمنى ئىجابەت قىلىپ نازىنىنلار شاھىنى قېشىمغا ئەكىلىپ بەرگەن تەڭرىدىن مىننەتدارمەن. شاتۇتلىرىدەك ئۆز بولۇپ كېتىپلا. مۆڭسۈزنىڭ مازاق قىلىپ دېگەن بۇ سۆزى قۇماربېكىگە خەنجەر ئۇرغاندەك قاتتىق تەگدى. ئۇنىڭ ئاشۇ نومۇسلۇق ئاخشامدىكى بۇزۇق ئەلپازى يادىدىن كېچىپ خورلۇق ھېس قىلدى. گۈل يوپۇرماقتەك تىترەپكۈ قاپاقلىرى تۈرۈلدى. — ئاغزىڭىزنى چايقىۋېتىپ سۆزلەڭ مۆڭسۈز. مەن كىم؟ سىز كىم؟ ئالتۇن تارىم تۈرگەن خوتۇنغا ئەدەپسىزلىك قىلىش ھەددىڭىز ئەمەس. بولمىسا تىلىڭىز كېسىلىپ، تېنىڭىز دارغا
ئېسىلىدۇ.
مۇڭسۇز قاقاھلاپ كۈلۈپ ئورنىدىن تۇردى. قىپقىزىل ئىران گىلىمى سېلىنغان يەرگە چىڭ - چىڭ دەسسەپ ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ تەخت ئالدىغا كەلدى.
— ئالتۇن تارىم تۈركەن خاتۇن دېسەم كۆرۈنۈشۈپ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئابىنچۇ خاتۇن. سىز دارغا ئېسىلغان بىر ئاسىي - خائىننىڭ بۇزۇق قىزى. بىر جاللاتنىڭ ئاستىدا ئىڭرىغان يۈزسىز ئايال. بۇنى ئۇنتۇپ قالماقچىمۇسىز؟ مېنى ھېچنېمە قىلالمىدىڭىزمۇ؟ ھازىر قول ئاستىمدا سوغۇق كىر دېسەم دەرياغا سەكرەيدىغان، ئوتقا كىر دېسەم يالقۇنغا ئۆزىنى ئورىيدىغان بىر تۈمەن چاپاۋۇلوم بار. ھايت دېسەم تېنىڭىزنى تەتۈر سويۇپ سازايى قىلىدۇ. ياخشىسى بۇنداق ئۆكتەملىك قىلماڭ. شېرىن سۆخەن سۆزىڭىز، ناز - كەرەشمىڭىز بىلەن كۆڭلۈمنى ئېلىڭ، — مۇڭسۇز غەزەپتىن ئۆپكىدەك ئېسىلغان قۇماربىكەنىڭ تىترەك نېمىچىسى يوشۇرۇپ تۇرغان تىزىغا قولىنى باستى، — مېنى زورلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىمايسىز ۋە ياكى ئىختىيارىڭىز بىلەن ھۇزۇرلاندۇرامسىز؟ بۇنى ئۆزىڭىز تاللاڭ.
غادايىپ ئولتۇرغان قۇماربىكەنىڭ تاتارغان چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولۇپ، بارا - بارا قەھ - قەھ كۈلكىگە ئايلىنىپ كەتتى.
— مۇڭسۇز، سىزنىڭ بۇ تەلۋە مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغۇدەك. چىچىلاڭ، ھېيۆمۇ قىلماڭ. ئېيتقان سۆزلىرىمنى كۆڭلىڭىزگىمۇ ئېلىپ كەتمەڭ. مەن مانا سىزدەك جەسۇر قورقۇمسىز ئەرنى ھۆرمەت قىلىمەن. باشقىلار ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىگە ئېرىشتۈرىمەن.
— ياخشى كۆرمەي تۇرۇپمۇ؟
— گېپىمنى بۆلمەڭ. بۇ جاھاندا ياخشى كۆرۈش، سۆيۈش، ۋاپا، مۇھەببەت، ھەقىقەت دېگەن يوق. ھوقۇق - مەنپەئەت بار. چۈشىنىۋاتامسىز؟
— سۆزلەۋېرىڭ ئېپىنچۇ خاتۇن. — ماڭا ئالىيلىرى، تۈركەن خاتۇن، دېسىڭىز خۇش بولۇپ كەتمەيمەن. سىزلەرپ دۇق قىلسىڭىز خاپا بولۇپ كەتمەيمەن. مەن ھامان ئېپىنچۇ خاتۇن. ئالىمنىمۇ، زالىمنىمۇ، جاللاتنىمۇ، تۇتقۇننىمۇ ئۆزۈمگە رام قىلالايمەن، مۆڭسۈز. ئوغلومدىن ئايرىلدىم، جەڭدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىپسىز. ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. بىلىسىڭىز سىزنى كۆرگۈم كېلىپ چۆچەككە چاقىرتىقاندىم، — جىلمايدى قۇماربېكە، — سىز ئارسلاندىنمۇ يۈرەكلىك ئىكەنسىز. مەندىن خاقانلارمۇ تەپ تارتىقاندى. سىز تەپ تارتمىدىڭىز، مەن قايىل. مۆڭسۈز جايىدا ئولتۇرۇپ سورىدى: — ئالتۇن تارتىم ئوردۇكەنتتىن نېمىشقا كەلدىلە؟ سىزىمىي مايىل بولغان ھالدا سىلىق گەپ قىلىشتىن توغىنىڭ ئېرىشكە باشلىغىنىنى سەزگەن قۇماربېكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ دېدى: — راستىنى دېسەم ئالىپ چاغرىبەگ، ئوغلومدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى كۆرگۈم كېلىپ كەلدىم. مانا سىز بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم. — مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن، تۈركەن خاتۇن. — ئىشىنىپ قالىسىز، ئالىپ چاغرىبەگ. — بايا نېمىشقا مېنى كۆرمەگەنگە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتىلە؟ — مېنىڭ تۈركەن خاتۇن، ئالتۇن تارتىم، خانىش ئىكەنلىكىمنى بىلىسىز. ھالبۇكى، دۆلەت ئەركانلىرى ئالدىدا، ئادەتتىكى بىر سەرگەردە بىلەن سالاملىشىپ يۈزۈمنى چۈشۈرسەم بولامدۇ؟ — بىلدىم. مەن ئالىيلىرىنى ئەيىبلەشنى خالىمايمەن، ئېپىنچۇ خاتۇن. چۈنكى، سىلى ماڭا ئەڭ لايىق كېلىدىغان بىردىنبىر جاسارەتلىك نازىنمەن. قۇماربېكە چۆچۈپ كەتتى. «بۇ قارام رەھىمسىز تەلۋىگە نېمە دەپ جاۋاب بېرىش كېرەك ئەمدى؟» ئۇ ئويلىنىپ قېلىپ دېدى:
— بارىغاننى ئالغاندىن كېيىن جاۋاب بېرىپ ئالىپ چاقىرىپ كەل. سەۋر قىلىڭىز. — ئۇنداق بولسا چۈمبىلىڭىزنى ئېچىۋېتىپ جامالىڭىزنى بىر كۆرسىتىڭ. قۇماربىكە چۈمبىلىنى ئالدى. بۇلۇت ئىچىدىن ئاي چىقتى. مۆڭگۈز سىنچىلاپ قاراپ: «دىلداربىكەگە يەتمەيدىكەن» دەپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
4
قۇماربىكە گەپ قىلماي چىقىپ كەتكەن مۆڭگۈزنىڭ كەينىدىن قاراپ قېلىپ، بېشىنى چايقىغان ئاشۇ مەھەللىدە، ئىبراھىم تېگىن لەشكەرلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن چاپار مەن توغرۇل قاراخان بارگاھىغا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالدى. «ئىم!» ① دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ توختىدى. — كىم! — دەپ توۋلىدى ئۇدۇلدا نەيزە تۇتۇپ تۇرغان قاراۋۇل. … — نېمىشقا جاۋاب بەرمەيسەن، سەن زادى نېمە ئادەم؟ — سورىدى نەيزىسىنى تەڭلەپ قاراۋۇل. — مەن ئوردۇكەنتتىن كەلگەن چاپارمەن. — سېنى كىم ئەۋەتتى؟ — مېنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئالىيلىرى ئەۋەتتى. قولۇمدا توغرۇل قاراخان ھەزرەتلىرىگە يېزىلغان مەكتۇپ بار. — جايىڭدىن مىدىرلىما! ئىككى قاراۋۇل ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. بىرى ئۇنتىقاشنى باش ئۈستىگە كۆتۈرگۈنىچە كۆز سېلىپ تۇردى. بىرى ئاختۇردى.
① ئىم — پارول، مەخپىي بەلگە سۆز.
نەيزە قىلىچ، قالقان، ياسىنى ئېلىۋالدى. چاپارمەن قويۇن يانچۇقىدىكى مەكتۇپنى چىقىرىپ بەردى. لېپاپ ئۈستىگە «توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان ئالىيلىرىغا تەگسۇن» دەپ، ئاستىغا «ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان» دەپ يېزىلغانىدى.
قاراۋۇل مەكتۇپنى يۈزبېشىغا بەردى. يۈزبېشى سەرگەردەكە، ئۇ يۇغرۇشقا، يۇغرۇش ئورخۇنبەگكە بەردى. ئورخۇنبەگ شام چىراغلار چاقناپ تۇرغان خانتويىغا كىرىپ، تەختتە خامۇش ئولتۇرغان توغرۇل قاراخانغا سۇندى.
— ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان چاپارمەندىن ئالىيلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپتۇ.
توغرۇل قاراخان مەكتۇپنى ئېچىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۈيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان ھەزرەتلىرىگە:
يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بۈگۈ بىلگە بەگىسۇپنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىككى ھەپتە قورشاپ يېتىپ، 450 - يىلى زۇلھەججىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئوردۇكەنتكە بېسىپ كىرىپ تەختنى ئىگىلىدىم. بۇ يەردىكى بارلىق قاراۋۇل، ياساۋۇل، سىپاھلار، ئوردا ئەمەلدارلىرى ئايغىمغا يىقىلىپ ئەل بولدى. قانخور ئالپئاستى قۇماربەككە يوشۇرۇن ھالدا قېچىپ كەتكەچكە، ئىز - دېرىكىنى قىلىۋاتىمىز. ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپ باشلىق بۈگۈ بىلگە، بوغۇغلار، مۇدەررىس - تالىپلار، ئادالەتپەرۋەر يۇغرۇش، ھاجىپ، سۇباشى، سانغۇنلار زىنداندىن قۇتقۇزۇپ چىقىلدى. ئوردۇكەنت خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇلۇغ قۇربان ھېيت نامىزى كۈنى ئالىيلىرىنىڭ ئىسمىشەرىپىگە ئاتاپ خۇتبە ئوقۇلدى.
ئاۋام خەلق — ئۆزلىرىنىڭ ئىبراھىم تېكىن ۋە قۇماربەككە ئوخشاش زۇلمى ئاپەتتىن قۇتۇلغانلىقلىرىنى
تەنتەنە قىلىپ، قۇربان ھېيت كۈنى ساما سالدى. قول، چىغايلارغا يۇغ بېرىلدى. مەرد، سېخىي ئوردۇكەنت بايلىرى ئون تۈمەن سەر ئالتۇن، بىر تۈمەن تاي پاختا يىپ، يىپەك، يۈڭدىن توقۇلغان رەختنى خانلىقىمىزغا ھەدىيە قىلدى. ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئەسكەر، سىپاھ بولۇپ قاراخانىيلار ئېلىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ قەسەمياد قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ تىلىكى قوبۇل قىلىندى. تەڭرىدىن مىننەتدارمەنكى، ئوردۇكەنت ھاياتى كۈچكە تولدى. بارسىغانغا بېرىپ، ھەربىيلىرى بىلەن بىرلىكتە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت دۈشمەنلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەتە سەيشەنبە ئاتلىنىپ يولغا چىقماقچىمىز. ئالۋاستى ئابىنچۇ خاتۇن، مۇناپىق بوزاغۇ، مەككار دوقاقبەگ ۋە قانخور مۇڭسۇزلارنى تۇتۇپ جازالىمىغۇچە ھەرگىز توختاپ قالمايمىز. تەڭرى پات ئارىدا دىدار كۆرۈشتۈرۈپ، غەلبە - نۇسرەتنى بىزگە يار قىلىپ بەرگەي. ئامىن!
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ھارۇن ئارسلانخان بىننى سۇلايمان ئارسلانخان.
ھىجرىيە 450 - يىلى زۇلھەججىنىڭ 14 - كۈنى① — ئوردۇكەنت»
— ماشائاللا — ماشائاللا! ئوردۇكەنت پەتھى قىلىنىپتۇ، — دېدى مەكتۇپنى ئوقۇپ بولغان توغرۇل قاراخان مەمنۇن بولۇپ. — ئورخۇنبەگ، بېرىپ كەلمۇ؟
— تەڭرى ئۇلۇغدۇر، — دېيىشىپ بۇ غەلىبىنى مۇبارەكلەشتى.
خانتۇي ئىچى خۇشاللىققا چۆمدى. سۇباشى، سەركەردىلەر كۆچكە كۆچ قوشۇلغاندەك بولۇپ روھلىنىپ كېتىشتى، لېكىن
① مىلادىيە 1058 - يىلى 10 - ئايغا توغرا كېلىدۇ.
نېمە ئۈچۈندۇر خىيال سۈرۈپ قالغان توغرۇل قاراخانغا كۆز سالغان ئورخۇنبەگ ئۈششەنچ بىلەن دېدى:
— ھەزرەتلىرى دېگەندەك ئوردۇكەنتنىڭ پەتھى قىلىنىشى قارا نىيەت ئاسىيلارنىڭ زاۋاللىقىغا يۈز تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەھۋال، كۆرۈنۈشتە ئىبراھىم تېگىن قوشۇنلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا كۆپ ۋاقىت قالمىدى…
— سۇباشى، ئېيتقانلىرىڭىز بەرھەق. ئوردۇكەنتتىكى غەلىبە بىزنىڭ جاسارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ روھىمىزنى جەھمەن كۆتۈرىدۇ. ئەمما، — توغرۇل قاراخان ئورخۇنبەگنىڭ سۆزىنى بۆلدى، — بىز ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاندەك ئىبراھىم تېگىنگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرەلمىدۇق. ئىبراھىم تېگىننىڭ چاپاۋۇللارباشى ئونلىغان ئالىپ سەركەردىلىرىمىزنى ئۆلتۈردى. ئەپسۇسكى، ئارسلاندەك سەردارلىرىمىزنى يارىدار قىلدى. بەزىلىرىنى ئەسىر ئالدى. مانا بىزنى قارىتىپ قويۇپ بارسغاننى تاش بوران قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى قاراپ تۇرساق بولماس، — ئۇ سۆزىدىن توختاپ كۆكرىكىگە يېپىلىپ تۇرغان ساقىلىنى سىيپىدى. مەكتۇپقا يەنە بىر قاراپ چىقىپ، — سۇباشى، ئىىنال تېگىن بارگاھىغا دەرھال ئادەم ئەۋەتەيلى. ئۇ كېلىپ بۇ مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپسۇن! — دېدى بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى. ئۆزۈم بېرىپ ئېلىكخان ئىىنال تېگىن ئالىيلىرىنى چاقىرىپ كېلەي، — ئورخۇنبەگ چىقىپ كەتتى.
— ئەمدى قاراپ تۇرساق بولمايدۇ، — دېدى توغرۇل قاراخان سەركەردىلەرگە يېقىنلاپ كۆز يۈگۈرتۈپ، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرساق تېخىمۇ بولمايدۇ. بىز ئىبراھىم تېگىننىڭ نومۇسسىزلارچە قىلغان ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشىمىز كېرەك!
توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ بارسىغانغا كەلگىنىگە بۈگۈن بەشىنچى ئاخشام بولغانىدى. جەڭگاھتىكى ئېلىشىشتا، مۆگسۈز ھېچكىمگە بوي بەرمەي ئونى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ئالىپ بۆرىبەگلا مۆگسۈزگە تاقابىل تۇرالغانىدى. بۆرىبەگ ئۆزىگە نۆۋەت كەلگەندە مەردلىككە ئېلىپ ئونى مەيلىگە قويۇۋەتكىنىگە شۇ تاپتا پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. ئونىڭ كۆڭلىدىن كېچىكەننى توغرۇل قاراخان بىلگەندەك سوراپ قالدى:
— چاپائۇل بېشى، مۆگسۈز بىلەن نېمىشقا ئاخىرغىچە ئېلىشمىدىڭىز، ئۇ نېمىشقا بارگاھىغا قايتىپ كەتتى؟
— ئالىيلىرى، ئۇ ماڭا گۈرزە ئورىمەن دەپ ئۆزىنى يارىلاندرۇپ قويغان چېغى، بارگاھقا بېرىپلا كېلەي دەپ ئۆتۈندى، مەردلىكىمگە ئېلىپ ماقۇل بولدۇم.
— بۇ قانداق گەپ! مۇبادا سىز يارىلىنىپ، ئونىڭدىن بارگاھقا بېرىپ — كېلىشنى ئۆتۈنسىڭىز ماقۇل بولارمىدى؟
— بۇنى بىلمەيمەن، ئالىيلىرى. بىراق، مەن دۈشمەننىڭ شىكەستىلەنگەن① چېغىدا زەربە بېرىشنى نامەردلىك ھېسابلايدىغان ئالىپ نۆكەر.
— سىز ئالىپ نۆكەرلا ئەمەس، بەلكى ئالىپ سەركەردە. سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن رەھىمدىللىك قىلىسىز، ئالىپ نۆكەرمۇ، ئالىپ سەركەردىمۇ بولالمايسىز، بۆرىبەگ. دۈشمەنگە ھەر قانداق ۋاقىتتا قاتتىق، رەھىمسىز بولۇش كېرەك. كىمدى يۇمشاق قوللۇق، رەھىمدىللىك قىلىدىكەن، ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بۇنداقلارنى مەن كۆپ كۆرگەن. سىز ئونى مەيلىگە قويۇۋېتىپ يامان قىلىپسىز. ئەمدى ئۇ لەشكەرلىرىمىزنى قورقۇنچ، ۋەھىمىدە قالدۇرىدىغان بولدى.
— يوقسۇ، ئالىيلىرى. ئۇ قاچان جەڭگاھتا پەيدا بولىدىكەن،
① شىكەستىلەنگەن — يارىلانغان، زەخمىلەنگەن.
مەن زەررە بېرىمەن. ئۇ ئەمدى پۇ ئېتىپ كۆرەڭلەپ بىزنى قورقۇتالمايدۇ. چۈنكى، جەڭگاھتا ئۇنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ سىناپ كۆردۈم.
— لېكىن، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدىڭىز چاپاۋۇللاربېشى.
خاتا قىلغىنىنى بىلگەن بۆرىبەگ ئۈن چىقمىدى. خانتوي ئىچى تىمىتاس بولۇپ قالدى. شامدان، قەندىللەردىكى لوقراپ يانغان شام - چىراغلارنىڭ نۇرىدا يەرگە سېلىنغان زىلچا، تارتىلغان يىپەك رەختلەر رەڭگارەڭ تۇس ئالغانىدى.
ئىنال تېگىن بىلەن كىرگەندە، توغرۇل قاراخان تەخت ئۈستىدە خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى.
— خان ئاتا، ئەزىز دەرگاھلىرىغا قەدەم قويغىنىمدا، ئۇلۇغ تەڭرىمدىن ھەزرەتلىرىگە سالامەتلىك ۋە نۇسرەت تىلەيمەن، — دېدى ئىنال تېگىن يېكىنىپ.
— ئورۇنلىرىدىن تۇرسىلا بالام، تۇرسىلا، — ئىنال تېگىن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن توغرۇل قاراخان مەكتۇپنى ئۇزارتتى، — ئوردۇكەنتتىن خۇش خەۋەر كەلدى.
ئىنال تېگىن مەكتۇپنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، بوسە قىلىپ، ئوقۇپ چىقتى.
— مۇبارەك مەكتۇپ ئىكەن، قاراخان ئاتا. ئىبراھىم تېگىنلەرنىڭ چېلىكى يەرگە چۈشۈپتۇ.
— شۇنداق بالام، ئەمما بىز زەررە بوشاشماي ئۇلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدۇق. خۇدا بۇيرۇسا ئەتە ئۆزۈم جەڭگە كىرىمەن، — توغرۇل قاراخان بۇ سۆزى بىلەن ئەتە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ تەختتىن تۇرۇپ كەتتى. غەزەپلەنگەن، ھاياجانلانغان چاغلىرىدا ئۇ شۇنداق تەختتىن تۇرۇپ كېتەتتى.
— بىز تۇرغان يەردە، ھەزرەتلىرى دۇئا قىلىپ تۇرماي، جەڭگە كىرسىلە قانداق بولىدۇ؟ — ئىنال تېگىن قوللىرىنى
كۆكسىگە قويۇپ پەرمانبەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نەچچە كۈندىن بېرى ھۇجۇمغا ئۆتمەي مۇداپىئەلىنىپ تۇرغانلىقىغا ئۆكۈنمىسەممۇ، توغرۇل قاراخاننىڭ خاپا بولۇپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلاندى. بۆرىبەگ دەس تۇرۇپ دېدى:
— قاراخان ھەزرەتلىرى، ئىقبال تېگىن ئالىملىرى، يېقىن تېخى رەقىبىم بىلەن جەڭنى ئاخىرلاشتۇرغىنىم يوق. مەن ئەتە ھەربىيلىرىمنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىپ، قان ئىچەر جاللاتنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ جەڭگە كىرسەم…
يېرىم كېچىگىچە ئەتەڭگى جەڭنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرە — مۇلاھىزە بولدى. ئاخىرىدا ئىقبال تېگىننىڭ قوللىشى بىلەن بۆرىبەگ بىرىنچى بولۇپ جەڭگە كىرىدىغان بولدى. ئۇ مۆجىزىنى يەڭسىمۇ، يېڭىلسىمۇ، ئوخشاشلا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىبىراھىم تېگىن لەشكەرلىرىگە زەربە بېرىش قارار قىلىندى.
ئەمما، ئەتىسى ناماز بامدات ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن جەڭ دۇمبىقىنى چالغىنى توغرۇل قاراخان سىپاھىلىرى بولماي، ئىبىراھىم تېگىننىڭ چاپاۋۇللىرى بولدى. نەرە تارتىپ ئالدىدا ماڭغان مۆجىزە قىلىچ ئوينىتىپ بارسغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا قاراپ ئېتىنى چاپتۇردى.
مانا شۇ چاغدا نامازنى ئۆتەپ بولۇشقان توغرۇل قاراخان، ئېلىسخان سىپاھىلىرىمۇ جەڭ دۇمبىقىنى ياڭرىتىپ، قويۇندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان مۆجىزە چاپاۋۇللىرىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. دەرۋازىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ ئات چاپتۇرۇپ بارغان بۆرىبەگ كۆزلىرىدىن باشقا يېرى نىقاپلانغان مۆجىزىنىڭ ئالدىنى توستى.
— ئەي قان ئىچەر جاللات، تۈنۈگۈن مېنى ئالداپ، جېنىڭنى ساقلاپ قالغان بولساڭمۇ، بۈگۈن مېنى ئالدىيالمايسەن. ئۆزۈڭگە ھېزى بول! — دەپ ئۆمۈت ئۆردى.
بۆربەگكە ئۇچراپ قالارمەن، دەپ ئويلىمىغان مۇڭسۇز ئۆزىنى چاققانلىق بىلەن ئاتنىڭ يېنىغا تاشلىۋېلىپ ئامان قالدى. لېكىن، ئۈمۈت قارىنى بوغۇۋەتكەن ئاتنىڭ ئېتى تېز قەدەمدە مېڭىپ مۆدۈرۈلۈپ يىقىلدى. ئۆزەڭگىدىن پۇتىنى تېز چىقىرىۋالغان مۇڭسۇز تېپىمىغا باسىرۇۋالغان نەيزىنى ئېلىپ بۆربەگكە ئاتتى. بۆربەگ چاققانلىق بىلەن ئېتىنى يانغا بۇرىدى. نەيزە ئاتنىڭ بوغۇزىغا قادىلىپ قالدى. ئات يىقىلدى. ئىتتىك يەرگە چۈشۈۋالغان بۆربەگ قولىغا قىلىچ ئالدى.
— مۇڭسۇز، زۇۋان سۈرەلمەيلا بوينۇڭ ئۈزۈلۈپ ئارماندا قالىمىغىن. نېمە گېپىڭ بولسا ئېيت، ئاڭلاپ قالاي، — دېدى بۆربەگ قىلىچىنى ئوياق - بۇياققا شىلتەپ.
مۇڭسۇز چەكسىز ئۆچۈمگە باقتى:
— بىلىپ قوي سەرگەردە. مەن سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلمەيمەن. مېنىڭ ئەمەس، سېنىڭ ئەجىلىڭ توشتى. ئۆلۈش ئالدىدا، كىملىكىمنى ۋە مەقسەت - ئارزۇيۇمنى بىلىپ قالساڭ، ئەجەل شارابىنى ئىچسەڭمۇ ئارماندا قالمايسەن. مەن مۇسۇلمان ئەمەس، لات - ماناتقا چوقۇنغۇچى بۇددىست قىتانمەن. بۇغراخانلار جەمەتىنىڭ ھايات چىرىغىنى ئۆچۈرگۈچى قارا قويۇنمەن. قىرىق يىلدىن بۇران بۇغرا قاراخان ئەھمەد تۇغقانخانغا ئورخۇن بويىدا ئەسىر چۈشكىنىمدە، ئامالسىزلىقىمدىنلا ئەمەس، ھايات قېلىپ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۆنۈڭ ئەمرىنى ئادا قىلغانىدىم. ئۇزاق يىللاردىن بېرى قەلبىمدە يانغان قىساس ئوتى يىلسېرى يىلىنجاپ مېنى ئارامىمغا قويمىلا كەلدى. جالاتمۇ، زىندانباشمۇ بولدۇم. جاندارلارباشى، قاپۇغچىباشمۇ بولدۇم. بارسغانغا چاپاۋۇللارباشى بولۇپ كەلدىم. ھېچبىر مويۇم تەۋرىمەي پۇرسەت تاپساملا بۇغراخانلار جەمەتىدىن ئۆچ ئالدىم. سۇلايمان ئارسلانخان ۋە ئۆنۈڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى داغى ھەسەرەتتە قويغان — مەن. مۇھەممەد ئارسلانخان، ھۈسەيىن ئارسلانلارنىڭ خىش —
657
ئەقرىبالىرىنى، ساداقەتمەن يۇغرۇش، سۇباشىلارنى، بۈگۈ بىلگەلەرنى قىرغىن قىلغانمۇ مەن، مېنىڭ رەھىمسىز قىساسچى دۈشمەن ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم سەزمىدى ھەم بىلەلمىدى. سەن ماڭا نەيزە ئۇرغان سەركەردە. مېنى بۇ ۋاقىتچە خاقانمۇ، بۈگۈ بىلگەمۇ تەسىرلەندۈرەلمىگەنىدى. سەن مەردلىكىڭ بىلەن مېنى تەسىرلەندۈردۈڭ. ھالبۇكى، سەن مېنى ئامان قويمىغان بىلەن، مەن سېنى ئامان قويمايمەن. شۇڭا، كىملىكىمنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويدۇم. مەيلى مېنى قانخور، جاللات دېگىن، مەيلى نامەرد ھېسابلا، بۇ قارارىمدىن يانمايمەن. ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول!
ھۇجۇم نۆۋىتى بۆرىبەگنىڭ بولسىمۇ، مۆڭسۈز قەھرى بىلەن ئۇنىڭغا قىلىچ ئۆردى. «چاق» قىلىپ تۆمۈر قالقانغا تەگكەن قىلىچ قاچقۇپ كەتتى.
— مۆڭسۈز، قىرىق يىللاردىن بېرى مەقسىتىڭنى خاندىن، ئاۋامدىن پىنھان تۇتۇپ، ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلىپ كەلگىنىڭ يېتەر! سەن بىر ياقۇز سويقەستچى ئەبلەخ. بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپ جاناپلىرى دېگەندەك: «سويقەستچىلەر ھېچقاچان قارا نىيىتىگە يەتكەن ئەمەس. قان كېچىپ كىرگەن سويقەستچى قانغا غەرق بولۇپ ئۆلىدۇ»، بىلدىڭمۇ؟ ئەمدى سەن ئۆلىسەن! — بۆرىبەگ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەي، قىلىچىنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولىدىكى خەنجەرنى غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ بېقىنىغا تىقتى. ئۆچلۈك خەنجەر تۆمۈر ساۋۇتنىڭ ئارىلىرىدىن ئۆتۈپ، مۆڭسۈزنىڭ قوۋۇرغىسىغا قادالدى. مۆڭسۈز بىر سەنتۈرۈلۈپ ئۆزىنى توختىتۋالدى. ئاغرىق جان — جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلاشتى. ئۇ ۋارقىراپ تاشلىماسلىق ئۈچۈن لەۋنى چىشلەپ، قىلىچىنى يەرگە تىرەپ تۇرۇۋالدى.
مۆڭسۈزنىڭ قىلىچ — نەيزىسى، ئۈمۈت — گۈرزىسى ئونلىغان، يۈزلىگەن ئالىملارنىڭ، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ، مەرد — سېخىي باي، ھۈنەرۋەن — كاسىپ
تىجارەتچىلەرنىڭ، تېگىن، سانغۇن، سەركەردىلەرنىڭ، يۇرت - ۋەتىنىنى سۆيىدىغان غۇرۇرلۇق پۇقرالارنىڭ يۈرەك باغرىغا سانجىلغان، باشلىرىنى يارغان، قول - پۇتلىرىنى سۇندۇرغانىدى. لېكىن، ئۇ ئۆلەرنىڭ ئاغرىق دەستىدىن قانچىلىك قاقشىغانلىقىنى بىلمىگەنىدى. مانا بۈگۈن تېنىگە بېسىپ كىرگەن خەنجەرنىڭ تېنىنى تېپتى. ئاغرىق ئازابىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى. ئەمما، ئۆزىنىڭ يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەگۈسى كەلمىدى. ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ يارىلانغانلىقىنى يوشۇرماقچى بولدى.
— سەن باتۇر چەۋەنداز بولۇپلا قالماي، جەڭ ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىگەن سەركەردە ئىكەنسەن. مەن قايىل، مۇبارەك ئىسمىڭىزنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ. نائۈمىد قويمايدىغانسەن؟
— ئىسمىم بۆرىبەگ.
— بۆرىبەگ؟ ئەجەب ئىسمىڭ بار ئىكەن. بۇ ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپقۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە سائادەتلىك بولۇشۇڭنى تىلەپ، ئابدۇللا① ياكى ئابدۇرېھىم②، دەپ ئىسىم قويۇلماي، بىر يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئېتى قويۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغانسەن؟ — مۆڭسۈز بۇ سوئالنى قويۇپ ئۇياق - بۇياققا كۆز يۈگۈرتتى: قىلىچلىشىۋاتقان، ئوقۇت، نەيزە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ سىپاھلىرى ئەتراپنى بېسىۋالغانىدى. مۆڭسۈزنىڭ بىر قانچە چاپاۋۇللىرى ئۇنىڭغا كېلەلمەكچى بولۇۋاتىدى، بۆرىبەگنىڭ جاندارلىرى يېقىن كەلتۈرمىدى.
— بىلمەن، خۇنپەر! — بۆرىبەگنىڭ زەردە بىلەن بەرگەن جاۋابى مۆڭسۈزنى چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇ ئەتراپتىن كۆزىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تىكىلدى:
① ئابدۇللا — ئاللانىڭ بەندىسى. ② ئابدۇرېھىم — رەھىم قىلغۇچىنىڭ بەندىسى.
— قانداق بولۇپ ساڭا بىر يىرتقۇچنىڭ ئىسمى قويۇلۇپ قالغان؟
— بۇنى بىلگۈڭ كەلسە قۇلاق سال، — بۆرىبەگ سەگەكلىك بىلەن ئۆنى كۆزەتكەن ھالدا سۆزىنى باشلىدى، — بۇنىڭدىن قىرىق يىللار بۇرۇن قىتان ئۇرۇشخۇمارلىرى يۇرتىمىزغا يۈرۈش قىلىپ سىڭلاڭ① دىيارىغا كەلگەندە ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىرگەنىكەن. ئالدىنى توسۇغان ئاتامنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرۈپ، تولغاق تۇتۇپ قىينىلىۋاتقان ئاپامنىڭ باغرىنى يېرىپ تاشلاپتۇ. يېقىر پىنھانى سۆيگۈ قەسرىدىن باش چىقارماي، يېرىلغان باغرىدىن دومىلاپ كۆرپىگە چۈشۈپتىمەن، يەلكىسىگە قىلىچ ئۇرۇلغان تۇغۇت ئانىسى مېنى باغرىغا بېسىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. ھوشىغا كېلىپ قارىسا بوۋاق يوق. يىراقتىن بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغىنى ئاڭلىنىپتۇ… سامانلىققا يوشۇرۇنۇۋالغان ئون ئۈچ ياشلىق ئاكام «قىتان باسقۇنچىلىرىدىن قىساس ئالماي قويمايمەن!» دەپ قەسەم قىلىپتۇ ۋە ئەھمەد تۇغانخان لەشكەرلىرىگە قوشۇلۇپ ئورخۇن دەرياسى بويىغىچە جەڭ قىلىپ بېرىپتۇ. قىتان باسقۇنچىلىرى مەغلۇپ بوپتۇ. ئەھمەد تۇغانخان تۇتقان غەلىبە شارابىغا ئېغىز تېگىپ يۇرتىغا يېنىپ كەلگەندە، ئون سەكىز ياشقا كىرگەنىكەن. شىكار قىلىپ يۈرۈپ، بۆرىلەر بىلەن بىللە تۇرغان بىر بالىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئونىڭغا تەلپۈنۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقىدۇر ئاكامنىڭ ئۇ بالىنى كۆرگۈسى كېلىپ تۇرالمايدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى كەچ ئورمانغا كىرىپ غازاق ئۈستىدە ئۇخلاپ قالغان بالىنى قىشلاققا ئېلىپ كەپتۇ. تۇغۇت ئانىسى بۇ بالىنى تونۇپ: «سەن ئۇنىڭنى تېپىپسەن. ئەمدى ھەرگىز يوقىتىپ قويما» دەپ جىكىلەپتۇ. قىشلاق ئاقساقىلى بالىغا «بۆرىبەگ» دەپ ئات قويۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئاكامنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپتىمەن.
① سىڭلاڭ — ئىلى دىيارى.
— ھازىر ئۇ ئالىپ ئاكاڭ نەدە؟ — مىڭلاق دىيارىدىكى سىپاھىلارنىڭ سۇبېشى، ئۇ مېنى ئوردۇكەنت ساچىيە مەدرىسىدە ئوقۇتۇپ، ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخانغا نۆكەر قىلىپ بەرگەن… بىز مانا بۇ جەڭگاھتا ئۇچرىشىپ قالدۇق. سەن بىر ئادەم تۇرۇپ قانچە — قانچىلىغان ئانىلارنىڭ باغرىنى يىرتىپ، نۇرغۇن بوۋاقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇڭ. ئەكسىچە ۋەھشىي ھايۋان دەپ ئاتالغان بۆرە بولسا قانغا مىلىنىپ ياتقان بوۋاقنى ئۆلۈم ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۆرىبەگ دەپ ئاتىلىپ داڭ چىقارغان. بىلدىڭمۇ، قانخور؟ — بىلدىم، سېنىڭ سەرگۈزەشتەڭ ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بەك ئوخشايدىكەن، — خىرىلداپ كۈلدى مۆڭگۈز، — راست دېدىڭ، مەن نۇرغۇن ئانىلارنىڭ باغرىنى يىرتىپ، بالىلىرىنى دۇنياغا كۆز ئاچۇرماي بوغۇزلۇۋەتكەن قانخورمەن. بىراق، شۇ دەم ساڭا رەھمىم كېلىۋاتىدۇ. سەن يولۇمنى توسما، مېنى سېنى كۆرمىگەنگە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەي. ئامان قېلىشنى ئويلىساڭ، قېنى ئىلدام كەت! بۆرىبەگ ئادەم سىياقىدىكى بۇ يالماۋۇزنىڭ يارىلانغىنىنى بايلا بىلگەنىدى. ئالدامچىلىق قىلىپ جېنىنى ساقلاپ قالماقچى بولغىنىمۇ ھازىر ئۇنىڭغا سىر ئەمەس ئىدى. — بولدى بەس مۆڭگۈز، ئالدامچىلىق قىلما! «ياغاچ قازاندا بىر قېتىملا سۇ قاينايدۇ». مېنىڭ كىملىكىمنى بىلدىڭ. سەندەك ئادەمىي يىرتقۇچلار ھېچقاچان بۆرىدەك بولالمايسىلەر. قارا نىيەت ئورۇن تۇتقان كۆڭۈللاردىن مېھر — مۇھەببەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. قولۇڭلاردا قانغا مىلىنمىگەن خەنجەرلا قالغان. شۇڭا، سېنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن، تىرىك قالدۇرغىلى بولمايدۇ، — بۆرىبەگ سۆزىنى تۈگىتىپلا مۆڭگۈزنىڭ يەلكىسىگە ئۆمۈت ئۇردى. ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆرە تۇرالمىدى ۋە ھەمرىدەكلا تىترەپ كېتىپ يىقىلدى.
— بۇ ئەبلەخنى ئېلىپ كېتىڭلار! ئەتەچىلەر جاراھەتنى تېڭىپ بولغاندىن كېيىن ئوردا زىندانىغا تاشلانسۇن! قاراۋۇللار ئۇنىڭدىن دەقىقىمۇ نېرى بولمىسۇن، — دەپ بۇيرۇدى يۈگۈرۈپ كېلىشكەن سىپاھلارغا بۆرىبەگ.
ئۇلار مۆگسۈزنى تەڭنە قازان قىلىپ ئېلىپ كەتتى.
بۆرىبەگ بىر سىپاھ ئېلىپ كەلگەن تورۇق ئاتقا مىندى — دە، ئۆز چاپارمەنلىرى بىلەن بىللە نەرە تارتىپ، مۆگسۈز چاپارمەنلىرى ئالاقىزەدە قىلىۋەتتى.
ئاق قاشقا ئاتقا مىنگەن توغرۇل قاراخان ئالاھىدە بۇيرۇپ سوقتۇرغان بېسى كەك ھەم ئۇزۇن زۇلپىقارنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، ئۇچرىغان دۈشمەن سىپاھلىرىنى چاپ — چاپ قىلىپ جاندار، يۇرتۇغلۇرى بىلەن ئىبراھىم تېگىن بارگاھىغا بېسىپ كىردى…
يىراقتىن مۆگسۈزنىڭ يارىلىنىپ يىقىلغىنىنى كۆرگەن بوزاغۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ، يۇرتۇغ، جاندارلارغا ئىبراھىم تېگىن بىلەن قۇماربېكەنى جان تىكىپ مۇھاپىزەت قىلىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار خانىتوينى بوش قالدۇرۇپ، ئاستا — ئاستا سەپنىڭ ئارقىسىغا چېكىنىشكەنىدى. غەزەپ ئاچچىقىدىن بوغۇلغان قۇماربېكە كۆكۈچ كۆزلىرىدىن يېشىل ئۇچقۇن چاچرىتىپ دېدى:
— ئاكا، ئوغلۇم، سىلەر بەك توخۇ يۈرەك ئىكەنسىلەر. شۇنچە كۆپ لەشكەر بىلەن قېچىپ نەگە بارىمىز؟ سىلەر جەڭ قىلىشتىن قېچىشنى ئەۋزەل كۆرسەڭلار، مەن ئۆزۈم قېلىپ توغرۇل قاراخان بىلەن جەڭ قىلىمەن. ھۆ نومۇسسىزلار! كۆزۈمدىن دەرھال يوقالۇش!
— خان ئاپا، مەن قاچايىلى دېمىدىمغۇ. قەدەملىرى نەدە بولسا مەنمۇ شۇ يەردە بولىمەن. سىلىنى جان تىكىپ قوغدايمەن، — ئىبراھىم تېگىن تېز پۇكۈپ ئانىسىنىڭ پېشانىسىنى سۆيدى.
— مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئوغلۇم. لەشكەرلىرىڭ
بىلەن بىللە بولۇشۇڭ، ئۇلارغا باشچىلىق قىلىشىڭ كېرەك. لەشكەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پادىشاھ جېنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بىلدىڭمۇ؟ قۇماربەككە تامدەك تاتىرىپ باش سېلىپ تۇرغان بوزاغۇغا تىكىلدى، بەك يارىماس ئىكەنسەن، ئاكا. بارسىغانغا دەسلەپ بارغان چېغىڭدىلا تۇتۇپ بەرگەن بولسام، بۇ ئازابلىق كۈننىمۇ كۆرمەيتتىم. دەرىخا، تەقدىر پېشانەمگە شۇنداق پۈتۈلگەن بولسا كېرەك. نېمە قاراپ تۇرىسەن؟ بار! قېچىۋاتقان سىپاھلارنى ئارقىغا ياندۇرۇپ جەڭگە سال. تېتىقسىز سۆزلىرىڭنى يەنە ئاڭلىغۇم يوق. بار، يۈگۈر!
قۇماربەككە ئىبراھىم تېگىن بىلەن بوزاغۇنى پاتىپاراق بولۇپ قېچىشقا يۈزلەنگەن سىپاھلارنى سەپراس قىلىشقا بۇيرۇپ، كەينىدە قېتىپ تۇرغان بۆگۈشكە قارىدى:
— جاندارلارباشى مەن سىزگە ئىشەنسەم بولامدۇ؟
— ئەلۋەتتە، ئالتۇن تارىم.
— ياراملىق ئادەملىرىڭىز قانچىگە يېتىدۇ؟
— ئۈچ يۈزدىن ئاشىدۇ، ئالتۇن تارىم.
— ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن قارلۇق ئالىپلىرىنى، ساداقەتمەن سەرگەردىلەرنى دەرھال بۇ يەرگە يىغىڭ. مېنى مۇھاپىزەت قىلسۇن! مەن ئامان بولمىسام، ئەبو ھەسەن تېگىندىن تەختنى تارتىۋالالمايمەن. توغرۇل قاراخان، ئەبو ھەسەن ئېلىكخانلارغا كۈن بەرمەيمەن!
— پەرمانبەردارىمەن تۈركەن خاتۇن ئالىپلىرى.
بۆگۈش بىر قانچە جاندارلىرى بىلەن ئوڭ قانات، سول قانات بويىچە چېكىنىۋاتقان سىپاھلار ئىچىگە شۇڭغۇپ كۆزدىن غايىب بولدى…
يىگىرمىنچى باب: تۈمەن دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت
1
دۇنيادىكى گۈللەر رەڭمۇرەڭ شەكىل، خۇش پۇراققا ئىگە بولغاندەك، ئىنسانلارمۇ ئوخشىمايدىغان چىراي، پەرىقلىق ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە. گۈللەردە ھۆسن، خۇش پۇراق بولغان بىلەن، ئەقىل - پاراسەت يوق، ئۆزىگە لايىق سەزگۈ بولسىمۇ، سۆزلەش، پىكىر قىلىشتىن مەھرۇم. دۇنيادا چىرايلىق غۇنچىلاپ، خۇش پۇراق چېچىپ ئېچىلىدۇ - يۇ، باشقىلارغا ھۇزۇر، زوق بېغىشلاپ، ئۆزى بۇنى بىلەلمەيدۇ. بەرگىدىن ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئاپەت بوران - چاپقۇن، ئاپتاپتىن، ئۆزىنى نابۇت قىلغۇچىدىن پاناھلىنالماي توزۇپ كېتىدۇ.
تۈرلۈك - تۈمەن، خىل گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەردىن، ئۇچۇپ، مېڭىپ ھايات كەچۈرۈشى بىلەن پەرىقلىنىدىغان قۇش، ھايۋانلاردا تۇيغۇ - ھېس بولسىمۇ، سۆزلىيەلمىگىنى، پىكىر - مۇلاھىزە قىلالمىغىنى ئۈچۈن، ئاجىزلىق، چارە - تەدبىرسىزلىك ئەمەس. پىلان تۈزەلمەيدۇ، ھۆكۈم قىلالمايدۇ. قارشىلىق كۆرسىتىشمۇ، ھۇجۇم قىلىشمۇ، ئوزۇقلىنىشمۇ شۇنداق ئاددىي، تەبىئىي. ئۇلار ئىنسانلاردىن، ئىنسانلار ئۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ. بىر - بىرىگە دۈشمەن ئەمەس، دوست. بىر - بىرىگە موھتاج…
ئادەملەر تىنمىي پىكىر قىلىدۇ. چارە - تەدبىر تۈزىدۇ، ھىيلە - مىكىر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، ھەممە نەرسىنى ئۆز
مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇشقا، خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. ھەتتا بىر - بىرىنى بويسۇندۇرۇش، خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن يوشۇرۇن - ئاشكارا ئېلىشتى. يەڭگىنى بويسۇندۇرغۇچى، غوجايىن بولدى. يېڭىلگىنى بويسۇنغۇچى دېدەك، قول بولدى. پادىشاھتىن پۇقراغىچە ھەممە ئادەملەر شۇنداق. ھالبۇكى، ئەقىل - پاراسەتتە ئۈستۈن - تۆۋەن تەڭشەكسىز بولغىنى، مۇرەككەپ بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ يېتىلگەن ياكى كەمتۈكلۈكى سەۋەبلىك، ئويلاش، پىكىر قىلىشتىمۇ، ئارزۇ - تىلەكتىمۇ ئوخشاشماسلىق كۆپ. ئۆگىنىپ، ئىزدەنمەي ئالەمنى بىلىش - چۈشىنىشمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، بۇ دۇنيادا: پادىشاھ - پۇقرا، باي - كەمبەغەل، ئادىل - زالىم، ئالىم - نادان، مەرد - نامەرد، سېخى - بېخىل، سادىق - مۇناپىق، راستچىل - كاززاپ، باھادىر - قورقۇنچاق، زېرەك - دۆت قاتارلىق خىلمۇخىل ئىنسانلار بارلىققا كەلگەندۇر. جۈملىدىن قاراخانىيلار مەملىكىتىدىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممە خىللىرى مەۋجۇت بولغان مۇرەككەپ بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەت راۋاجلانماقتا ئىدى. بۇغرا قاراخان، بۇغراخان — بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلغۇچى ئىدى. بۇ خانلىقنى قۇرغۇچى، قۇدرەت تاپتۇرغۇچى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن باشلاپ تەختتە ئولتۇرغان بۇغرا قاراخانلار ئىچىدىن ئادىللار چىققان بولسىمۇ، ئاسىيلار چىقمىغانىدى. ھايالىق تەقۋادارلار ئۆتكەن بولسىمۇ، شەھۋەتخور زالىملار ئۆتمىگەنىدى. قاچانكى مۇھەممەد ئارسلانخان ئىسلام دىنىنىڭ ھىمايىچىسى، ئىلىم ئەھلىنىڭ دوستى، خەلقنىڭ غەمگۈزارى بولغان ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاندىن تاجۇتەختنى تارتىۋالغاندىن بۇيان، تىنچ - ئاسايىشلىقتا گۈللەپ ياشاۋاتقان قاراخانىيلار ئېلى قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالدى. ئۇ قارانىيەت، شەھۋەتخور جەلپكار ئايالنىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆز جەمەتىگە سادىق، ئاۋامغا ئادىل بولالمىدى. ئاسىي قارا
نىيەتلىرىگە ئىتنىڭ تىزگىنىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئاقىۋەت ئۆز جېنىدىن ئايرىلىپلا قالماي، ۋەلىئەھدى بولغان چوك ئوغلى، ساداقەتمەن دۆلەت ئەربابلىرى، مەلىكە، خانىشلارنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولدى. تەختنى ئاسى، نامەرد ئوغلى ئىبراھىم تېگىن ئىگىلىدى. ئاتىسىنى دورىغان بۇ شەھۋەتخور شاھزادە ئانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئەل غېمىنى يېمەي ھە دەپ ئالۋان - ياساقنى كۆپەيتتى. زۇلۇمنى كۈچەيتىپ ئىلىم ئەھلىنى خورلىدى. بويۇنتالۇق قىلغان ئۆلكە، ۋىلايەت، ئايماقلارنى بويسۇندۇرۇش كۈيىدە ناھەق قان تۆكتى. ھەممە ئىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدار بولغان ئۆزى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭشەكنى بۇزۇۋەتتى، رىشتىنى ئۈزۈۋەتتى… شەخسىيەتچىلىك كۆپۈپ چەكتىن ئاشقاندا مانا شۇنداق تۈزگىلى بولمايدىغان كېلىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ. ئاخىر ئۇ مەقسىتىگە يېتەلمەي، بارغان دىيارىدا مەغلۇپ بولۇپ شېرىن جېنىدىن ئايرىلدى، ئۆنى قىساس تۇتتى.
ۋەلىئەھدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بەگىيۈسۈپنىڭ مەسلىھەتى بىلەن پايتەخت قەشقەرنى قايتا ئىگىلەپ، ئاسى قارا نىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار تۇتۇلۇپ تېخى جازاغا تارتىلمىغاندى…
شۇلارنى ئويلاپ ئوردىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان بەگىيۈسۈپ بولاقبېشى مەھەللىسىگە بويۇنداپ ماڭغان ئىتنى توشۈك دەرۋازىسى تەرەپكە بۇرۇدى. كەينىدىن تېز بېسىپ كېلىۋاتقان سۇلتانبەگ:
— كىشى قارا، قەيەرگە بارىدۇلا؟ — دەپ سورىدى.
— ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم دىلداربىكەنىڭ ئۆيىگە.
— مىجەزلىرى يوقمۇ، كىشى قارا؟
— ياق، يىگىت. ئوردوخانىغا كەلگىنىمىزگە ئىككى ھەپتە بولدى. ئوردا ئىشلىرى بىلەن قولۇم بوشماي، ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرىمنى يوقلىيالمىدىم. ئۇلار نەچچە قېتىم كېلىپ
ھال سوراپ كېتىشتى، ئاتاساغۇن دىلداربېكە يادىڭدا باردۇ؟ بەگىيۈسۈپ سۆزىنى شۇ سوئال بىلەن توختاتتى. بار، بولمامدىغان. ئۇ قوزغۇردۇغا ئۆزلىرى بىلەن كەلگەندە، ئاتام، ئابامنى داۋالاپ ياشارتىۋەتكەندى. ئاجايىپ ئىستېداتلىق بىلگە خاتۇن ئىكەن، سىلىنىمۇ داۋالىغان ئىكەن دە، كىشى قارا؟ بەگىيۈسۈپ نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى ئويلاپ بىر پەس سۈكۈت قىلدى. داۋالىغان، قىزىمىزمۇ ئۇستاز بولغان. ئۇنىڭ ئۆيىگە پەتەڭگە بېرىشىمنى ماقۇل كۆرەمسەن؟ ماقۇل كۆرىمەن، كىشى قارا. بىراق، ئۇ بىز ئوردۇكەنتكە كەلگەندىن بېرى يوقلاپ كەلمىگەن تۇرسا، يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭكىگە بارماي ئۇنىڭ ئۆيىگە بارامدۇق؟ قارا سېنى! ھەممە ئىشقا، كەلگەن كەتكەنلەرگىمۇ زەن قويۇپسەن ھە؟! بەگىيۈسۈپ قامچىسى بىلەن ئۇنى نوقۇپ قويدى. تۈشۈك دەرۋازىسىدىن ئىلگىرى سېلىنغان، ئىككى قانىتىغا سىزىلغان كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتى ئۆچۈشكە باشلىغان، ھەم ئېتەكلىك كونا دەرۋازىغا كۆز سېلىپ، بىر پەس ماڭغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، ئاتاساغۇن دىلداربېكىنىڭ ئانىسى ئاپات بوپتۇ. ھازىدار بولغاچقا بىزنى يوقلاپ كېلەلمىگەن. بىزنىڭ پەتەڭگە بېرىشىمىز زۆرۈرمىكىن بوتلاق؟ زۆرۈر ئىكەن، كىشى قارا، زۆرۈر ئىكەن. مۇسىبەت بوپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئاتاساغۇن خېنىمنى يەنە بىر كۆرسەم دەيتتىم. بۈگۈن كۆرۈش نېسىپ بولارمىكىن؟ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە كۆرۈۋالار مەن بەلكىم. سەن تېخى گۆدەك، بالام. تۇرمۇشتىكى جىق ئىشلارنى چۈشەنمەيسەن. ئاتاساغۇن خېنىم يۈزىنى يات ئەر كىشىگە كۆرسەتمەيدۇ. سىلىگىمۇ كۆرسەتمەمدۇ كىشى قارا؟
— كۆرسەتمىگەن. — بۈگۈن كۆرسىتەرمۇ؟ — قىزىق سوئاللارنى سوراۋاتىسەنغۇ يىگىت؟ بۇنى بارغاندا بىلىمىز. ئۇلار ئۇلاغلىق، پىيادە كىشىلەر كىرىپ - چىقىپ تۇرغان تۆشۈك دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، تۆمەن دەرياسىنى بويلاپ ماڭدى. زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېقىنغا بويۇنداپ - بويۇنداپ، تىزگىن سىرىپ يورغىغا چۈشكەن قىزىل تورۇق بىردەمدىلا باراقسان ئۈجمە دەرىخى سايە تاشلىغان، ئىككى قاناتلىق گۈلدار ئىشىك ئالدىدا توختىدى. «بۇ ئۆينى ئۇنتۇپ قالماپتۇ جانۋار، ھېچ يەردە توختىماي، تاق مەشەدە توختىغىنىنى» دەپ ھاياجانلانغان بەگىيۈسۈپ ئاتتىن چۈشتى. تىزگىننى سۇلتانبەگكە بېرىپ ئىشىكنىڭ توچ ھالقىسىنى قاقتى. — كىم؟ — بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. — پېقىر، بەگىيۈسۈپ. ئىشىكنىڭ بىر قانىتى ئېچىلدى. — ۋەيەي، بۈگۈن بىلگە جاناپلىرى ئىكەنغۇ، مەرھەمەت قىلسىلا، — ئىشىكنىڭ يەنە بىر قانىتىمۇ ئېچىلدى. — سىز زۆھرە بۈبۈغۇ دەيمەن. ئوبدان تۇردىڭىزمۇ سىڭلىم؟ — دۇئالىرى بەرىكىتىدىن ئوبدان، تونۇۋالدىلا جاناپلىرى. — دىلداربىكە بىلەن بالاساغۇنغا بىللە بارغان تۇرسىڭىز، نېمىشقا تونۇماي، سىڭلىم. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، — دەپ چوڭ ھويلىغا قەدەم باسقان بەگىيۈسۈپ ئىككى تەرەپكە كۆز سالغان ھالدا ئاستا ماڭدى. كۈزدە تال، ئانار دەرەخلىرى كۆمۈلۈپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ، ياز كۈنلىرى ئاپتاپ چۈشمەيدىغان بۇ ھويلا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانىدى. — ئۆكام، ئاتلارنى ئېغىلغا ئەكىرىپ قويغان بولسىلا، — دەپ ئۆتۈندى زۆھرە بۈبى. يىگىت ئۇنىڭ باشلىشى بىلەن ئاتلارنى
ئېغىزىغا ئەكىرىپ قويۇپ چىقتى. — بۈگۈ بىلگە جانابلىرى، ساقلىتىپ قويدۇق — ھە؟! — زۆھرە بۈبى ئېتتىك كېلىپ، ئايۋان ساراينىڭ پېشايۋانى ئالدىدا تۇرغان بەگىيۈسۈپكە يەنە بىر تەزىم قىلىپ، مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، — مەرھەمەت قىلغايلا. بەگىيۈسۈپ سۇلتانبەگ بىلەن رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئازادە ئۆيگە كىرىپ، تۆركە سېلىنغان ئۈچ قات يىپەكەندازدا ئولتۇردى. — مەن جانابلىرىنىڭ كەلگەنلىرىدىن ئاتاساغۇن خېنىمنى خەۋەرلەندۈرەي، تېخى بايلا كەلگەن كېسەللەرنى يولغا سېلىپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەندى، — زۆھرە بۈبى چىقىپ كەتتى. نېمىشقىدۇر بەگىيۈسۈپنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى. چىرايلىق ياسالغان قارا ساقىلىنى سىلاپ — سىلاپ قويدى. نەپىس ئويما نەقىش چېكىلگەن مېھمانخانا ئىشىكى ئېچىلدى. دىلداربېكە كىرىپ تەزىم قىلدى: — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۈگۈ بىلگە ھەزرەتلىرى، قۇتلۇق قەدەملىرىگە مۇبارەك! ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن بەگىيۈسۈپ قوپتى. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دىلداربېكە، سالامەت دىدار كۆرۈشتۈرگەنگە تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن. — ئولتۇرسىلا — ئولتۇرسىلا ھاجىپ، چارچاپ كېتىپلا، — دىلداربېكە رومال بىلەن ئورالغان قوللىرىنى سۇنۇپ يىپەكەندازغا تەكلىپ قىلدى. بەگىيۈسۈپ ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. دۇئادىن كېيىن: — ئاتىلىرى دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ، بىكەم. ئاڭلاپ ھەسرەت چەكتىم. رەھمەتلىك بىلەن دىدار كۆرۈشكۈم، خىزمىتىدە بولغۇم
بار ئىدى. خەيرىيەت، ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن، دەپ تەسەللى بەردى.
ئاق پەرىجە ئارتىپ، يۈزىگە قارا چۈمبەل تارتقان دىلداربىكە ئېغىر تىندى.
ئارتۇچقا كەلگىنىمىزدە، ئاتام، ئاباملارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، خاتىرجەم قىلىپ قويماقچى بولغانىدىم، ئەمما ئوردۇكەنتنى ئېلىش جېڭىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئويپىكرىمنى ئۆتتەك ئۆرلەتكەنلىكتىن، غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئۇلارنى بىرئاقلا قايتۇرۇپ كېلىش قارارىغا كېلىپ توختىماي ئۆتۈپ كەتكەنىدىم. شۇ كۈنى كەچ ئابام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ ئەمەسمۇ. بىز غەلىبە قىلىپ شەھەرگە كىرگەن كۈننىڭ ئەتىسى، مەن بىر قانچە ھەمشىرە ئاچىلار بىلەن ئارتۇچقا قاراپ ماڭغانىدىم. كېچىكىپتىمەن، بارسام ئابام جان ئۈزۈپ بولغانىكەن. ئىسمىمنى چاقىرىپ تۇرۇپ كۆز يۇمۇپتۇ. ماڭا بەك تارتىشىپتۇ، دىلداربىكە بۇلاقتاك ئوقچۇغان كۆز ياشلىرىغا ياغلىقىنى بېسىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، خەيرىيەت، بەگتاش خېلىل ئاكام يېنىدا بار ئىكەن. ھوشىدىن كەتكەن ئاتامنى ھوشىغا كەلتۈرۈپ، ئاخىرەتلىكىنى تەييارلاشقا كىرىشىپتۇ. ئاتام: «ئوردۇكەنتكە ئېلىپ كېتىپ شۇ يەردە قويايلى» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاكام: «ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋەلىيۇللامۇ ئوردۇكەنتتە ياتاي دېمەي، ئارتۇچ مەشھەددە يېتىپتىكەن، ئاتا، ئارتۇچمۇ ئوردۇكەنتنىڭ بىر قىسمى. ئابام بۇ يەرگە قويۇلسا روھىمۇ خۇشال بولىدۇ، بىزمۇ پات پات كېلىپ يوقلاپ، قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىپ تۇرىمىز» دەپ قايىل قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئابامنى مەشھەددەكى زاراتگاھلىققا قويۇپتۇ. مېنى قوزغۇردۇغا كەتكەن دەپ بىلگەچكە ئارتۇچقا چۈشكەن سىپاھىلىرىمىزدىنمۇ سورىمىغانىكەن. شۇنىڭدىن بېرى ئابامنى تولا ئويلاپ كۆز ياشلىرىمنى زادى توختىتالمىدىم. يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىۋاتىدۇ، كۆپ يىلدىن بېرى
يالغۇز ئۆتۈۋەتتىم. ئەمدى تېخىمۇ يالغۇز قالدىم. مېنىڭ ھەمراھلىرىم كېسەللەرلا بولۇپ قالدى.
دىلداربىكەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان سۇلتانبەگنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ئانىسىنى ئەسلەپ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى. ئورنىدىن تۇرغىنىچە يۈگۈرۈپ مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ ئۇنى چاقىرىۋالماقچى بولدى - يۇ، روھىي ھالىتىنى چۈشىنىپ ئۈن چىقارمىدى.
— بۈگۈن بەگكە جاناپلىرى، مۇناسىۋەت بولغان غېرىب خانىمىزغا كېلىپ، پەتە ئوقۇپ كېتىشكىمۇ ۋاقىتلىرى يەتمىگەنگە ئوخشايدۇ. بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئوخشىماملا؟
دىلداربىكەنىڭ تەنە قىلىپ ئېيتقان بۇ گېپىدە ئاغرىنغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇنى سەزگەن بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭغا مېھرلىك نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
— دىلداربىكە، راست مەن ئەيىبلىك. ھەر قانچە زۆرۈر ئىش بولسىمۇ كېلىشىم كېرەك ئىدى. رەھمەتلىك خانىش ئاغىچا خېنىم ماڭا تۇغقان بولۇپلا قالماي، غەمگۈزارىم ئىدى. شۇنداق ۋاپادار كۆيۈملۈك خاتۇنى بولغاچقا، ئاتىلىرى يۈز يىگىرمە تۆگىنى سەمەرقەنت، ھىندىستان، رۇم، چاچقەنەلەرگە ماڭدۇرۇپ، كاشغەر دىيارىنىڭ سودىسىنى راۋاج تاپتۇردى، جەمئىيىتىمىزگە نۇرغۇن پايدا يەتكۈزدى. مەردلىكى، سەخىيلىكى، سەمىمىي - ساداقىتى بىلەن ئاۋام ئىچىدە كاتتا ئابرۇي قازاندى. ئانىلىرى ۋاپات بولۇپ، ئاتىلىرى قايغۇغا چۆمگەندە كېلىپ تەسەللى بېرەلمىدىم. ئوردىدىن چىقالماي قالدىم. كەچۈرگەيلا، — بەگىيۈسۈپ بىر ئاز سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن مەنىلىك قىلىپ دېدى، — قىلمەن دېگەن ئىشنى ۋاقتىدا قىلالمايدىغان، ئويلىمىغان، خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان، ھەتتا قىزىقىدىغان بۇ ئالتا كۈنلۈك ئالەمدە، ئادەملەر بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلىشتىن تەسەللى تېپىپ، ئۈمىدلىنىپ ياشايدىكەن، دىلداربىكە. گۈزەللىكنىڭ يىلتىزى ئەپۇ قىلىشى —
سائادەتتىمدۇر.
ئۆينى چوڭقۇر سۈكۈت باستى. بەگىيۈسۈپنىڭ ئاخىرقى سۆزى دىلداربەكەنىڭ ئۈمىدسىزلىقتىن سولىشىپ قېلىۋاتقان دىل بېغىدىكى ئەتىۋار غۇنچىنى تاش شەبنىمىدەك جانلاندۇرۇۋەتتى. «ئەجەب بۇنداق دەپ قالدىغۇ. ئىلگىرى بىرەر قېتىممۇ بۇ مەنىدە سۆز قىلىپ باقمىغانىدى. مېنىڭ قېپىداپ دېگەنلىرىمنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ. ئاھ! تەڭرىم، نائۈمىد قويماغايسەن…» ئۇ ئويلاپ قارا چۈمبەل ئاستىدىن بەگىيۈسۈپكە تىكىلدى:
— بەگىيۈسۈپ، سىلى پېقىرەنى ئەپۇ قىلغايلا. دۆلەت خىزمىتى بىلەن بولۇپ كېلەلمىگەندىن كېيىن، مەن ئادەم ئەۋەتىپ ھال سوراپ تۇرۇشۇم زۆرۈر ئىدى. راستىمنى دېسەم، مۇناسىۋەت بولغان ئۆيگە پەتە ئوقۇيمۇ دېمىدى، ئاتامنىڭ يۈزىنمۇ قىلمىدى، بىزنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ، بوينىايىشەمو كېلىپ كەتتى دېمىدى، دەپ خاپا بولۇپ قالغانىدىم. كېلىپ تولىمۇ خۇرسەن قىلدىلا، ئۆز ئاغىزلىرىدىن ئەھۋالنى ئۇقتۇم. كۆڭلۈمدىكى غۇممۇ تۆكۈلدى. ئېيتسىلا، ئوردا ئىشلىرى ئىزىغا چۈشەي دېدىمۇ؟
— ئوردىكەنتنى پەتەي قىلغان كۈنلا، ئۆزلىرىنى يوقلاپ بارماقچى بولۇۋاتقان. ئەمما، بۈگۈ بەلگە، بوغۇغلارنى زىنداندىن چىقىرىش، ئالۋاستى قۇماربەكەنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش بىلەن بولۇپ، ئۇ كۈنى تۈندىمۇ كۆز يۇممىدىم. قىزىم بوينىايىشە ئۇ مەلئۇن پېسەندىنى ئىزدەپ نەچچە كۈن شەھەر ئىچى، قىشلاقلاردا يۈردى. قايتىپ كېلىپلا جەڭدە يارىلانغان سىپاھلارنى داۋالاۋاتقان ئاتاساغۇنلارغا ياردەملىشىپ ۋاقىت چىقىرالمىدى. مالمۇ يولۇقالمىدى. بولمىسا سىلىنى ئاغىزدىن چۈشۈرمەيتتى. بەلكىم سىلى بىلەن دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغاندۇ؟ ئوردا ئىشلىرىغا كەلسەم، — بەگىيۈسۈپ سۆزىنى توختىتىپ ئىشىكنى قىيا ئېچىپ قاراپ تۇرغان سۇلتانبەگنى چاقىردى، ئۇ كىرمەي ئىشىكنى يېپىپ قويدى. ئاندىن سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئوردا
ئىشى دۆلەت ئىشى. دۆلەت ئىشى ئائىلە ئىشىدەكلا تۈگىمەيدىغان ئىش. مەرھۇم سۇلايمان ئارسلانخان دەۋرىدىكى تەرتىپ نىزام بۇزۇلۇپ، ئوردىدىكى يۇغۇرۇشباشتىن تارتىپ ئىشىكباشقىچە بولغان چوك كىچىك ئەمەلدارلار باشباشتاق بولۇپ كەتكەنكەن، خەزىنىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنكەن. ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ساداقىتىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنى بىر بىرلەپ تەكشۈرۈپ غېزىنى غاز، ئوردىنى ئوردەك قىلىش بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجى ئىدى.
توغرا دەپتىلا بەگىيۈسۈپ، پادىشاھ قارا نىيەت، زالىم بولسا ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ كاززاپ، سۇخەنچى، مەككار بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ تەكشۈرۈپ بولۇندىمۇ، قانخور، خىيانەتكارلارغا جازا بېرىلگەندۇ؟
نەچچە يۈز ئەمەلدارنى بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا تەكشۈرۈپ، ياخشى ياماننى ئايرىماق تەس، دىلداربېكە. لېكىن، جىنايىتى ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق بولغان بىر قانچە يۇغرۇش، چاغرىبەگ، تەرخانبەگلەر ئوردۇكەنت كوچىلىرىدا سازايى قىلىنىپ زىندانغا تاشلاندى. بىر قانچىلىرى ئوردىدىن ھەيدەلدى. ئوردا ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن ئىبارەت ئىنتايىن زۆرۈر ۋە ئىنچىكە خىزمەتنى بېجىرمەكچى بولغان ۋەلىئەھدى مېنى يېنىدىن ئايرىمىدى. كېچە كۈندۈزلەپ ئىشلەپ ئوردا ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالغان بولدۇق. يېڭىدىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەنلەر ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشقا كىرىشتى. ھەرقايسى دىيار، ئايماقلارغا پەرمان، يارلىق ئەۋەتىش ئىشلىرىمۇ باشلاندى.
ئۆز مەملىكىتىنى مۇستەھكەملەش، پادىشاھقا ساداقەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوردۇكەنت بايلىرى قىلغان ھەدىيە قوبۇل تۇتۇلدىمىكىن؟
قوبۇل تۇتۇلدى، دىلداربېكە. ئەبو ئەلى ھەسەن ئارسلانخان
بوغرا تۆگىگە مىنىپ، ئوردا ئالدىغا چىقىپ ھەدىيە توققۇز تارتۇق ئېلىپ كەلگەن ئوردۇكەنتنىڭ سېخى بايلىرىغا رەھمەت ئېيتتى. مەن شۇ كۈنى بەگتاش خېلىل بىلەن كۆرۈشۈپ ئائىلىمىزنىڭ ئاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇ ئۆزلا بەگتاش جالالىددىن ئائىلىسى نامىدىن توققۇز يۈز سەر ئالتۇن، توققۇز مىڭ سەر كۈمۈش، توقسان توققۇز جۈپ ئات، توقسان توققۇز تاي يىپەك، يۆلەك رەخت ھەدىيە قىلدى. ۋەلىئەھدنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭغا تون ياپتىم. ھە، سوراش ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئاكىلىرى بەگتاش خېلىل سەپەردە ئوخشىمامدۇ؟
— سەپەردە، بولدى ئۇنىڭ گېپىنى قىلمىسىلا، بەگىيۈسۈپ. ئاكام بەگتاش خېلىل پۈتۈن ئائىلىمىزنى قانات ئاستىغا ئېلىپ كۆيۈنۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئىككى ئوغلىنى بۇ قېتىم قورال-جابدۇق ئاتلىرى بىلەن نۆكەرلىككە بەردى.
«ئاكىسى بەگتاش خېلىل ھەققىدە سۆزلەشتىن نېمىشقا ئۆزىنى قاچۇرىدىغاندۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر گەپ بار» دەپ ئويلىغان بەگىيۈسۈپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى ئېغىزغا ئالمىدى.
— بىرنەچچە كۈندىن بېرى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن خانلىقىمىزنى قوغداش، يوشۇرۇن-ئاشكارا ياغىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۆكەر بولۇشقا بەل باغلىغان نەچچە مىڭ ياش قەسەم بېرىپ خانلىق قوشۇنغا كىردى، دىلداربېكە، بۇ بەگتاش جالالىددىندەك ۋەتەنپەرۋەر ئاتىلارنىڭ تەربىيە، دەۋەتنىڭ نەتىجىسى. بۇنداق ئاتىلار ئائىلىنىڭلا ئەمەس، مەملىكىتىمىزنىڭمۇ تۆۋرۈكى…
— ئانىلارچۇ؟ توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ مۆھتەر جاپادا، كەلگۈسىنىڭ ئېگىلىرىنى يورۇق دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئانىلارچۇ؟ — دىلداربېكە ئالدىراپ سۆز قاتتى، — ئاڭلىشىمغا قارىغاندا بۇ قېتىمقى خانلىققا ئالتۇن-كۈمۈش، بايلىق ھەدىيە قىلىشتا، بەزى ئانىلار ئۆمۈر بويى يىغقان پۇل-پىچىكىنى بېرىپلا قالماي، بەلكى بىلەزۈك، ئۈزۈك، ھەتتا
زۇننارلىرىنىمۇ بەرگەن. بەزى ئانىلار تارتۇق قىلىشنى خالىمىغان ئاتلارنى ياخشى نىيەت - ئارزۇسى بىلەن قايىل قىلىپ ئوردىغا ئەۋەتكەن، بۇنداق ئانىلارغا نېمە دەپ باھا بېرىش كېرەك؟ - دىلداربېكەنىڭ ئۈنى چىڭراق چىقتى. ئۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئەرلەرنىڭ ئىقتىدار، ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە سۆزلەيدىغان بەگىيۈسۈپنىڭ خوتۇن - قىزلار ھەققىدىكى پىكىرىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى.
بەگىيۈسۈپ بۇنى چۈشەندى.
-
دىلداربېكە، - دېدى ئۇ چىن قەلبىدىن سەمىمىي ھالدا، - راستىمنى دېسەم، قىز - خوتۇنلارنى كۆپ تىلغا ئالماسلىقىم، تۆۋەن كۆرگەنلىكىمدىن ئەمەس. ئەسلا ئۇنداق ئەمەس! - بەگىيۈسۈپ ئونلۇق تەكرارلىدى، - بەلكى قەدىرلىگەنلىكىمدىندۇر. قىز - خوتۇنلارنى ئەرلەر ئالدىدا تەربىيەلەش، ماختاشنىڭ ئىككى جەھەتتىن زىيىنى بار: بىرىنچى، ئەرلەردە قىز - خوتۇنلارغا بولغان قىزغىنىش كۈچىيىپ، شەھۋانىي ھەۋەسكە بېرىلىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى، تەربىيە ۋە ماختاش ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنىشتىكى شەرتى بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە بىر قىسىم قىز - خوتۇنلار شاللىنىپ كېتىپ، جان بېقىش ئۈچۈن نومۇسىنى ساتىدىغان پاجىئە كېلىپ چىقىدۇ.
-
سۆھبەتلەردە قىز - خوتۇنلارنى كۆپ تىلغا ئالماسلىقلىرىدىكى سەۋەب شۇ ئىكەن - دە، چۈشەندىم. ئەمما…
-
مەن نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىرىمنى بىلىمەن، دىلداربېكە، قويماقچى بولغان سوئاللىرىڭىزمۇ جاۋاب بېرىي، - ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى بەگىيۈسۈپ، - دېگەنلىرى توغرا. سىلى ئېيتقاندەك، خانلىقىمىزغا توققۇز تارتۇق ھەدىيە قىلىشتا، بەزى تەقۋادار، ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىدىغان قىز - خوتۇنلار پۈتۈن بايلىقىنى، ھەتتا ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان ئېسىل بىلەزۈك، ئۈزۈك، زۇننار، ھالقىلىرىنىمۇ بەرگەن. بۇلار ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك ئانىلار، ساداقەتمەن ئانىلار. ئەرلەرنىڭ
كەينىدە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھ، يۇغرۇش، قازى، بوغۇغ، تۆھپىكار، ئالىپ، باي، مەرد بولۇپ تونۇلۇشىدا ياردىمىنى ئايمىغان، مەدەت بەرگەن، كۆتكەن، ئاسرىغان، بەجاندىل خىزمەت قىلغان كۆيۈملۈك ئۇلۇغ ئانىلار. ئۇلارنىڭ تەرىپىنى داستان، قىسسە قىلىپ يازسا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.
— ھالبۇكى، بەگىيۈسۈپ، بەزى شېئىر — نەزملىرىدە، قىز — خوتۇنلارنى ئەيىبلەپلا، بۇنى مەن قانداق چۈشەنسەم بولىدۇ؟
— جاۋاب بەرمىگۈچە يەنە سوراپ قالدىلا. تىلىمدا بەزى قىز — خوتۇنلارنى ئەيىبلەپ سۆككەن بولساممۇ، دىلىمدا تەۋرىنىپ كېلىۋاتىمەن. قىز — خوتۇنلارنى ئەيىبلەپ سۆككىنىم، ئۇلاردىن ئەرلەرنى بىزار قىلىش ئەمەس، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسكە بېرىلىپ كەتمەسلىكى، ھەر قانداق شارائىتتا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاتائالا مۇھەببەتتىن ئىبارەت يۈكسەك تۇيغۇنى ئەرلەرگىلا ئەمەس، قىز — خوتۇنلارغىمۇ ئوخشاش ئاتا قىلغاندۇر. ئۆز تەبىئىتىدىن ئېيتقاندا ئەرلەر قابىللىقى، بويسۇندۇرغۇچى بولۇشى بىلەن ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. قىز — خوتۇنلارمۇ نازۇكلۇقى، جەلىپ قىلغۇچى بولۇشى بىلەن ئەرلەرنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ھېسسىياتقا بەكرەك بېرىلىدۇ. ئالداپ تۇرۇپ ئالدىنىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئەرلەرنى تەۋرىتىپ، قىز — خوتۇنلارنى ئەيىبلەپ تۇرغاندا سۆيگۈ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرغىلى، ئىجىل — ئىناقلىقنى كۆنسىرى چىڭىتقىلى، ھىجران ئازابىدىن قۇتۇلغىلى، ۋىسال بەختىگە يەتكىلى بولىدۇ.
— چۈشەندىم. سىلىنى باشقىدىن چۈشەندىم. خۇددى سىلى بىز قىز — خوتۇنلارنى چۈشەنگەندەك. قىز — خوتۇنلار ئالدىدا ئۆزىنى سىلىدەك چىڭ تۇتۇۋالغان ئادەملەر ساناقلىق بولسا كېرەك. ئۆزىڭىزنىڭ لەۋەن رۇخسارى، خۇشخۇيلۇقى، ناز — كەرەشمىسى بىلەن دۇنيانى بويسۇندۇرماقچى بولغان ئايالمۇ سىلىدەك تەمكىن، قىيا تاشتەك ئېغىر، ئىىرادىلىك ئەرلەر
ئالدىدا باش ئەگمەي قالمايدۇ. سىلى ئاجايىپ دانا ئادەم، بەگىيۈسۈپ.
— ياق — ياق، دىلداربىكە. قىز — خوتۇنلار ئىچىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىرى ئەرلەردىن ئاز ئەمەس. ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بىر خوتۇن ئۆزىنى تۇتۇۋالمىغان يۈزلىگەن ئەرلەرنى ئەتراپىدا پەرۋانە، تۇرمۇشتا سەرەساندە قىلىۋېتىدۇ — يۇ، پاك سۆيگۈ — مۇھەببەتكە داغ چۈشۈرمەيدۇ. ئەمما، مەن سىلى دېگەندەك ئۇنداق ئاجايىپ دانا ئادەم ئەمەس، مەن بىر ئۆگەنگۈچى.
— بەگىيۈسۈپ، ئۆزلىرىنى گەپكە تۇتۇپ داستىخان سېلىشنى ئۇنتۇپ كەتكىنىمنى قارىسىلا، — دەپ ئورنىدىن تۇرغان دىلداربىكە چىقىپ، دېدەكلىرى بىلەن ئېلىپ كىرگەن داستىخاننى سالدى. مەزە، گىردە نان قويدى. قوغۇن — تاۋۇز پىچتى. گىلاس شەربىتى قويۇپ بەردى، — بىرئاز سەۋر قىلسىلا، سىلى سېغىنغان تاماقنى ئېتىپ بېرىمەن.
— ئاۋارە بولمىسىلا، مۇناسىۋەت بولغان ئۆيگە پەتە ئوقۇغىلى كەلگەن ئادەمگە داستىخان سېلىنمايدۇ، — بەگىيۈسۈپ كەتكۈچى بولۇۋاتقىنىنى بىلدۈرۈپ، قوپۇشقا تەمشەلدى.
— ئولتۇرسىلا. پەتە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندە كەلگەن مېھمانغا داستىخان سېلىش — جەمئىيىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. مېنىڭ تېخى سىلىدىن سوراپ بىلىۋالماقچى بولغانلىرىم بار. باياتىن گەپلىرىگە بېرىلىپ، قايتىدىن دەرس ئالغاندەك بولدۇم. ھەرگىز كەتمەڭ دېمەيمەن. ھازىر شام بولۇپ قاپتۇ. نامازنى ئوقۇۋېلىپ ئارام ئېلىپ تۇرغايلا، — دىلداربىكە بەگىيۈسۈپ جاۋاب قايتۇرغۇچە ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى.
بەگىيۈسۈپ ئۆيۈقتىن جاينامازنى ئېلىپ سالدى. شامنى ئوقۇۋېلىپ، جايدا ئولتۇردى. مەززىلىك توقاچتىن بىر پارچە ئوشتۇپ قوغۇن بىلەن يېدى. «دىلداربىكە ئاجايىپ خوتۇن — دە، ئۇنى كۆرسەم سېھىرلىنىپ قالغاندەك مېيىپچە ئىش قىلالمايمەن. ئونىڭغا باغلىنىپ قالدىممۇ نېمە؟» ئويلىدى
بەگىيۇسۇپ ئويۇقلارغا تىزىلغان كىتابلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، «نەچچە كۈن مۇڭداشساقمۇ سۆزىمىز تۈگىمەيدىغاندەك قىلىدۇ. يەنە نېمىلەرنى سورايىدۇكىن؟…» ئۇ يىگىرمە يىللار بۇرۇن قەشقەرگە بېرىپ دىلداربىكەنى كۆرگىنىدىن تارتىپ، ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق ھەممە ئەھۋاللارنى ئەسلەپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچىلىك ئېپىنى تاپالمىدى. پەزىلەت - خىسلەتلىرى كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ، ئۇنىڭغا تولۇقمۇ مۆھتۈن بولۇپ قالدى.
تاماق ئېلىپ كىرگەن دىلداربىكە گۈللۈك ھىجرىگە ئېلىنغان لەڭمەننى بەگىيۇسۇپنىڭ ئالدىغا قويدى.
— دېمىسەممۇ ئوردۇكەنتكە كەلگەندىن بېرى پولو، مانتا، سامسا، پەرەمۇدىلەرنى يېدۇق. چۆچۈرە، ئۈگرە، نېرىن چۆپكىمۇ ئېغىز تەگدىك. پېقىر ئېغىز تەگمىدى دەپ ئۆز قولۇم بىلەن ئەتكەن غىزا — لەڭمەنگە ئىشتىھالىرى قانداق؟
— ئادەمنىڭ قورسىقى توق ۋاقىتتا ھېچنېمە، ھەتتا كاۋاپنىمۇ يېگۈسى كەلمەيدۇ. ئەمما، تاردەك سوزۇلغان لەڭمەن ئالدىغا قويۇلسا ئىختىيارسىز قول ئۇزارتىدۇ، دىلداربىكە، پېقىر ئامراق تاماقنى ئېتىپسىز. لەڭمەن سەپەرگە بېشارەت قىلىنغان تاماق، لەڭمەن يەپ چۈشكەن ئادەم سەپەرگە چىقماي قالمايدۇ. جوشقۇن روھ، غەيرەت بېغىشلايدىغان تاماق بىلەن كۈتۈۋالغانلىرى ئۈچۈن رەھمەت، — بەگىيۇسۇپ بېھى دەرىخىنىڭ شېخىدىن سىپتا ياسالغان چوكا بىلەن لەڭمەننى يېيىشكە كىرىشتى.
— لەڭمەن دىدار كۆرۈشۈشتىنمۇ بېشارەت بەرسە كېرەك. تۈنۈگۈن كېچە لەڭمەن ئېتىپ چۈشەپ قالغانىدىم. كۈتمىگەن بىر چاغدا سىلى كېلىپ غېرىبخانىمىزنى ئاۋات قىلدىلا.
بەگىيۇسۇپنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
— ئوردۇكەنتكە كەلگەندىن بېرى لەڭمەنگە ئېغىز تەگمىگەنىدىم. بۇ تاماقنى ئوردۇكەنتتە خۇيمۇ ئوخشىتىدۇ. نېمىدېگەن لەززەتلىك! … — بەگىيۇسۇپ لەڭمەننى ئىشتىھا
بىلەن يەپ تۈگەتتى، — رەھمەت! دىلىممۇ، تېنىممۇ يايراپ كەتتى! — ئۇنداق بولسا ئەتەيمۇ كېلىسلىەر. — ئەتە، ئۆگۈنمۇ كېلەلمەيمەن، دىلداربېكە. بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم كېلىمەن. — ئىشلار شۇنچە ئالدىراشمۇ؟ — ئالدىراش، بەك ئالدىراش. ئىككى قولۇمنى ئون قىلغىلى بولسا قىلىۋالاتتىم. لېكىن، بۈگۈنلا پەتە ئوقۇپ بەگتاش جالالىددىندىن ئەپۇ سورايمەن. — ئۆزلىرىنى ئايرىسلا، بەگىيۈسۈپ، بىر ئەلنىڭ ئىشىنى بىرلا ئادەم قىلىپ تۈگىتەلمەيدۇ. بۇنى ئاتام چۈشىنىدۇ، سىلىدىن رەنجىمەيدۇ. — دېگەنلىرى ئورۇنلۇق. ئەمما، ئوردا ئىشلىرى ئەمدىتىن ئىزىغا چۈشۈۋاتىدۇ. ۋەلىئەھدى يۇغرۇش باشى بىلەن ئۇلۇغ ھاجىپنى توغرۇل قاراخان تاغام كەلگەندىن كېيىن تەيىنلىمىز دەۋاتىدۇ. ئاڭىچە جاپا تارتساممۇ، ئوردا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ تۇرمىسام بولمايدۇ. دىلداربېكە چاي قويۇپ بەگىيۈسۈپكە تۇتتى. — بارسغاندىن خەۋەر بارمۇ؟ — يوق. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان نامىدىن مەكتۇپ ئەۋەتكەنىدۇق. تېخى ئۇچۇر كەلمىدى. ئالىپ ئېلىزادەبەگنى لەشكەر بىلەن ئاتلاندۇرماقچى بولۇۋاتىمىز. — بۈگۈنئايشە ئوردىكەنتتە قالىدىغاندۇ؟ — ئېلىزادەبەگ بىلەن ماڭماقچى. ھەمشىرە ئەلچى بولۇپ جەڭگە قاتنىشىمەن، دەيدۇ. — جەسۇر قىز — دە، ئۇ. مېنىڭمۇ قاتناشقۇم بار ئىدى. ئوردىكەنتكە كەلگەندىن بېرى خوتۇن — قىزلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ قولۇم زادى بوشىمىدى. بۇ يەردىن ئايرىلسام بولمىغۇدەك.
— توغرا ئويلاپلا. بۇ يەرمۇ بىر جەڭگاھ، بۇ جەڭگاھ سىلىدەك سەرگەردىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ، — دېدى بەگىيۈسۈپ ئېپتىخار بىلەن، ئاندىن بۇۋىئايىشە توغرۇلۇق ئويلاپ قوشۇپ قويدى، — بالىلارنى مەن ئېلىپ قالماقچىمەن.
— ئۇلارغا قاراشقا قانداقمۇ ۋاقىت چىقىرىلا بەگىيۈسۈپ؟ مېنىڭ يېنىمدا تۇرسۇن، مەن ئەكىلىۋالىمەن.
بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ بۇ كۆيۈمچانلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ ئورنىدىن تۇردى.
— رەھمەت، دىلداربىكە. بالىلار سىلىنىڭ يانلىرىدا تۇرسا، قىزىمۇ، كۆيۈئوغلۇممۇ خاتىرجەم بولىدۇ.
دىلداربىكە ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇرغان ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى.
2
لەشكەرلەر بارىسخانغا ئاتلانغان كۈنى جانىبىدا غوجام بىلەن زۆبەيدىنى ئاتاساغۇن دىلداربىكە ئېلىپ قالدى. بۇنىڭدىن بۇۋىئايىشەمۇ، ئېلىزادەقمۇ ناھايىتى خۇش بولدى. بەگىيۈسۈپمۇ كۆڭلىدىكىدەك بولغىنىدىن شۇنچە سۆيۈندى. گۆدەكلەر يىراققا كېتىۋاتقان ئاتا — ئانىسىدىن ئايرىلىشقا قىماي، ئۇلارنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تۇرۇشتى. بەگىيۈسۈپ ئۇلارنى دىلداربىكە ئولتۇرغان مەپىگە چىقىرىپ قويدى.
— دىلداربىكە، بالىلار سىلىنىڭ يانلىرىدا يېتىمسىرمەيدىغان بولدى، تولىمۇ بەلەن بولدى. يېقىننىڭ يېنىدا تۇرسا ئاتا — ئانىسىنى سېغىنىپ قالاتتى، — دېدى بەگىيۈسۈپ مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن قاراپ.
— بولسۇن دەپ زارىقىپ كۈتكەن ئىشلارنىڭ بولماي، ئويلىماغان ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشى — تەقدىر، بەگىيۈسۈپ. مەن بۇ بۆرەم بىلەن تولكەمنى ئوبدان ئانا بولىمەن، خاتىرجەم
بولسىلا، دىلداربەكە بالىلارنى ئىككى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ مەپىنىڭ پەردىسىنى چۈشۈردى…
كۈيئوغلى بىلەن قىزىنى سەپەرگە ئۇزىتىپ قويغان بەگىيۈسۈپ دىلداربەكەنىگىگە ھەر كۈنى دېگۈدەك بېرىپ بالىلارنى يوقلاپ تۇردى.
بالىلار دىلداربەكەگە ئامراق بولۇپ كەتتى. ئېمىچى ئانىسى ئۇلارغا ھەر ئاخشام چۆچەك، ھېكايە ئېيتىپ بېرىتتى. ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ھەرپلىرىنى تونۇتاتتى. ساناشنى ئۆگىتەتتى. ئامراق تاماقنى ئېتىپ خۇشال قىلىۋېتەتتى. كېسەللەر سېلىكسىپ، قولى بوشاپ قالغان چاغلاردا، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ تۆمەن دەرياسى بويىغا باراتتى. بالىلارنى خىلمۇخىل دەر دەرەخلەر، ئۇچار قۇشلار، بېلىق، يىلانلار بىلەن ئۇچراشتۇراتتى. تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدا قىزىق قىزىق رىۋايەتلەرنى ئېيتىپ بېرىتتى. ئۇياقتىن بۇياققا يۈگۈرتەتتى. ئوقيا، نەيزە ئاتقۇزاتتى. جانىبدا غوجام تايچاقنى مىنىپ چىققان كۈنلىرى ئۇكىسىنى ئارقىسىغا ئېلىپ چاپتۇرۇپ، دىلداربەكەنى ئەنسىرىتىپمۇ قوياتتى. بالىلار كۈنبويى بۇ ئېمىچى ئانىسىنى ئەگىپلا يۈرەتتى، ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى.
دىلداربەكەمۇ كۈنسېرى بۇ شوخ ئوغۇل قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى. بالىلار بىلەن بىللە بولسىلا ھاردۇقى چىقىپ، روھلىنىپ قالاتتى. بالىلار يېنىدا بولغاچقا بەگىيۈسۈپ كۈندە كېچىلەپ تۇردى. بۇمۇ ئۇنىڭ ھېچكىمگە بىلدۈرمەي كېلىۋاتقان پاك مۇھەببىتىنى يالقۇنلىتىپ، ئۈمىد ئىشەنچ بېخىش ئەتتى. لېكىن، ئۇ تېخىچە بەگىيۈسۈپكە چېھرىنى كۆرسەتمەي كېلىۋاتاتتى.
بۇغداي مايسىلىرىغا ئۈششۈك تېگىپ شۇمشىيىپ قالدى. دەريادىن سوغۇق ھور ئۆرلەپ، دىلداربەكەنىڭ قورۇسى قەد كۆتۈرگەن بوستانلىق تۈپىلىكنى سەھەر كەچلەردە كۈمۈش رەڭ تۇمان قاپلىۋالىدىغان بولدى. يوپراقلىرى سارغىيىپ
تۆكۈلگەن سۆگەت، تېرەك، سېدە دەرەخلىرى يالىڭاچلىنىپ، قۇرۇق - قاقشال شاخلىرىنى قاغلار ئارامگاھ قىلغانىدى. ئەتراپقا كۆز سېلىپ كېلىۋاتقان بەگىيۈسۈپ ئاتنى سۇغىرىمەن، دەپ كەينىدە قالغان سۇلتانبەگنى كۈتۈپ تىزگىننى تارتتى. قارا بويۇن: «ئۇسسىمىغان تۇرسام بۇ يەردە نېمە قىلىدىغاندىمىز؟» دېگەندەك پۇشقۇرۇپ، ئۇنىڭغا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى. بەگىيۈسۈپ توختىغان ئېتنىڭ بوينىنى سىلاپ تۇرۇۋاتتى، سۇلتانبەگ كەلدى: — كىشى قارا، ئاق قاشقام، تازا ئۇسساپتۇكەن، تۆمەنسۇنىڭ سۈيىنى ئىچىپ تۈگەتكۈدەك، دېدى. — ئوھۇي! راست، دەريانىڭ سۈيى ئازلاپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ. ئەتە يەنە بىر سۇغارساق قۇرۇقدىلىپ قالغۇدەك، — ھەزىل قىلدى بەگىيۈسۈپ ئاق كۆڭۈل شاگىرتىنى گەپكە سېلىپ. — سىلى بىر دۇئا قىلسىلا سۇ شارقىراپ ئاقىدىغان بولىدۇ، مەنمۇ ئېتىمنى سۇغىرىۋېرىمەن، — سۇلتانبەگ ئۇستازىنىڭ ئۆزى بىلەن چاقچاق قىلىشقاندىن سۈيۈنۈپ كەتتى. ئۇلار سۆزلىشىپ دىلداربەكنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەي قېلىشتى. سۇلتانبەگ تىزگىننى بەگىيۈسۈپنىڭ قولىدىن ئالدى.
يىگىرمە بىرىنچى باب: ئاسىيلارنىڭ تەقدىرى
1
كۈز قۇياشىنىڭ ئىسسىق نۇرى بەدەەنلەرنى داۋاننىڭ غەربىگە يۆتكىلىگەندە، ھاۋا گۈلدۈرلىمەي، چاقماقمۇ چاقىلماي، تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇر مۆلدۈرگە ئايلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا توختاپ قالدى. شاخلىرى يۇيۇلغان دەرەخلەر كۆل بويىدا بوستان چاچلىرىنى تاراۋاتقان شوخ قىزلاردەك ئالتۇن ئاپتاپقا چۆمۈلدى. جىم بولۇپ قالغان بۇلبۇل، تورغايلارنىڭ يېقىملىق ساداسى يەنە ياڭراپ، ئەتراپنى جانلاندۇرۇۋەتتى.
ھاۋا ئېچىلىشى بىلەنلا ئاتلىنىپ، تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنىڭ باشلىشى بىلەن داۋاندىن ئەڭ بالدۇر چۈشكەن ئېلىزادەبەك ئېتىنى توختاتتى. بىر قولىدا قارا بويۇننىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، يەنە بىر قولىدا كۈن نۇرىنى توسۇپ تۇرۇپ يۇقىرىغا باقتى: سىپاھىلارنىڭ بىر ئۆچى داۋان ئۈستىدە، بىر ئۆچى داۋان باغرىدا ئىدى. ئۇ قۇتازغا مىنگەنچە داۋاندىن چۈشۈۋاتقان بۇغۇئايىشەنى كۆرگەندە ئەنسىز كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمىدى. ئۇ ئۆزىدەك ئاق پەرىجە ئارتقان قىز - ئايال ئەلچى ھەمشىرەلەرگە ھەمراھ ئىدى.
ئېلىزادەبەك ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەندىن بۇيان كۈن ئۆتكىنىچە ئازادلىك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى بىمالال تۇتىدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەرھۇم خاتۇنى مەلىكە سەرۋىخانىسكە ھايات چېغىدا، نېمىشقىدۇر قورۇنۇپ، ئەركىن - بىمالال بولالمىغانىدى.
قوپال - قاتتىق گەپ قىلىپ قويۇشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى. سىلىق - سىپايە ھالدا گويا بىر - بىرىگە مېھماندەك ئۆتۈشكەنىدى. خوتۇننىڭ خانزادە بولغىنىدىن شۇنداق روھىي ھالەت بارلىققا كەلگەن بولسا كېرەك. ئارىدا مۇھەببەت بولماي، ھۆرمەت، پەردىشەپ بولسىمۇ تۇرمۇش يەنىلا ئەنە شۇنداق ئەندىزىدە ئۆتۈۋېرىدۇ. بۇ بەختسىزلىك ئەمەس، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.
مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتا بولسا، تۇيغۇ - ھېسسىياتتىكى قىزغىنلىق تارتىنىش، قورۇنۇشقا ئورۇن قالدۇرمايدۇ. جىمىجىتلىقنى خوش چاقچاق كۈلكە، نازلىق بېقىشلار بۇزۇپ تۇرىدۇ. بۈۋىئايىشە ئېلىزادەگە كۆڭۈل ئازادىلىك بېخىش ئېتىپلا قالماي، بەلكى پاك سۆيگۈسى، كۆيۈمى بىلەن ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. گۆدەك زۆبەيدەمۇ ئۇنىڭغا كۈن ئۆتكەنسېرى ئۆگىنىپ، ئۆز ئانىسىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەنىدى.
مېھرى - شەپقىتى بىلەن بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنى ئۇنتۇلدۇرالىغان ئايال ئائىلىنىڭ سائادەتمەن غوجىسى بولۇپ قالىدۇكى، زىنھار ئۆگەيلەنمەيدۇ. يېتىم بالىلارنىڭ غەمگۈزارى بولۇپ ئىززەت تاپىدۇ.
جانىبىدا غوجاممۇ ئېلىزادەگە ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۆز ئاتىسىدەك كۆرۈپ، ئەركىلەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. زۆبەيدەمۇ شۇنچە ئامراق ئىدى. ئۇنى سىلىكلىمەيتتى، كۆيۈنەتتى، ئاسرايتتى. ئۇلار دىلداربەكەنىڭ يېنىدا قېلىشقانىدى. بۇ ئوغۇل - قىز ئېلىزادەنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەندەك بولۇپ، ئاتتىن چۈشتى. ئۇنىڭ بونداق كۆپ قوشۇننى باشلاپ يۈرۈش قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىدى.
«ئوردۇكەنت - قاراخانىيلار مەملىكىتى قۇرۇلۇپ دۇنياغا جاكارلانغان مەشھۇر ئاستانە. ئاستانە - پادىشاھسىز قالسا ئاستانىلىك مەرتىۋىسىنى يوقىتىدۇ. مەملىكەتمۇ ئۆز ئورنىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
ئالىيلىرى، ئەمدى ئاستانىدىن ئايرىلمىسىلا. ئوردىدا تۇرۇپ بەرسىلە، ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭلى پۈتۈن تۇرىدۇ. ئېلىزادەبەك بىر تۈمەن سىپاھ بىلەن توغرۇل قاراخان ۋە بايبەك ئىقبال تېگىنگە ياردەمگە بارسۇن. ئىشەنچىم كامىلكى، ئالىيلىرى ئوردىدا بولسىلا ھەرقانداق ياۋۇز، ھىيلىگەر ياقۇ بو ئەزىز زېمىنغا ئاياغ باسالمايدۇ. قارا نىيەت، ئاسىي سۈيقەستچىلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ بەگىيۈسۈپنىڭ قىلغان دەۋىتى، مەسلىھەتكە ئاساسەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان قەشقەردە قېلىشقا ماقۇل بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۇتۇنۇشى بىلەن بەگىيۈسۈپمۇ قالغانىدى. شۇڭا، ئېلىزادەبەك ئۇلارنىڭ ئىشەنچىدىن چىقىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ قويغانىدى. ئۇ بۇ كېچە داۋان باغرىدا دەم ئېلىپ، سەھەردە يولغا چىقىش توغرۇلۇق سەركەردە - سەردارلارغا يول يورۇق بەردى.
داۋاندىن چۈشكەن بۈۋىئايىشە چىنار دەرىخى تۈۋىدىكى قوش قەبرە يېنىغا ھەمشىرە قىز - ئايال ئەلچىلەر بىلەن چىدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى. ئۇ ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىپ تەزىم قىلدى.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئابا، ئاپەكە①. تىنچ، خاتىرجەم يېتىشتىڭلارمۇ؟ ئاتام ھەربىرىڭگە دۇئا ۋە سالام يوللىدى، - دەپ ئاقبۇرا بىلەن قۇمبانىڭ قەبرىلىرى ئۈستىدىكى توپا - چاڭ، غازاڭلارنى سۈپۈردى. بەگىيۈسۈپ تىكىپ قويغان ئارچا دەرىخىگە سۇ قويدى. يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ سۈرە «ياسىن»نى قىرائەت قىلدى. بۇلبۇلنىڭ ئونىدەك مۇڭلۇق، يېقىملىق ئاۋازى ئېلىزادەبەگنىلا ئەمەس، ئۇنىڭ تىلاۋىتىگە پۈتۈن دىققىتىنى بەرگەن ئەلچى قىز - ئاياللار، سىپاھلارنىڭمۇ يۈرەك تارىنى چەكتى. «ئامىن!» دەپ دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە كۆزلىرى بۇلاق بولدى. «پەرۋەردىگارىم بىزنى ئانامدەك غەمگۈزار ئانىغا
① ئاپەكە - ئاپا، ھەدە.
يەتكۈزگەن. ئاتامنى كۆيۈملۈك ۋاپادار ھەمراھقا جۈپ قىلغىن!» دەپ مۇناجات قىلدى.
تۇرسۇنبەگ ئاقساقال ئۆزى باش بولۇپ ئەتكەن پولۇنىڭ لەززىتىدىن ۋۇجۇدى يايراپ ھۇزۇرلانغان سىپاھلار ئۇيقۇغا كەتكەندىمۇ بېشىغا ئاپپاق رومال سالغان بۇۋىنايىشە قەبرە ئالدىدا ياش تۆكۈپ مەرھۇمە ئانىسى بىلەن مۇڭدىشىۋاتاتتى:
— ئاپا، غەمگۈزارىم ئاپا، دىدارىڭىزنى شۇنچە كۆرگۈم كەلدى. ھايات چاغلىرىدا قەدرىڭىزگە يېتەپتىمەنمۇ. ئاپا، بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىڭلا، ئۆينى مەن سۈپۈرەي، گۈللەرنى مەن سۇغىرىۋېتەي، خېمىرنى مەن يۇغۇرۇۋېتەي، كىيىملەرنى مەن يۇيۇۋېتەي دېمەپتىمەن. چاچلىرىمنى تاراپ ئولتۇرۇپ: «قىزىم، ئەزىز قىزىم، شەرمى - ھايا بىلەن ئاپا - كۆيۈم تەڭرى ئەر - ئاياللارغا ئاتا قىلغان تۈگىمەس بايلىق. بۇ بايلىقنى قەدرىلەڭلار. ئونىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلار بىر ئۆمۈر بەختسىز ھەم نامرات بولۇپ قالىدۇ» دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن زادىلا كەتمەيدۇ. ئاپا، مېھرىبانىم ئاپا، بۇ نەسىھەتلىرىنى زادىلا ئۇنتۇمىدىم. شەرمى - ھايا يېقىنقى كۈپنىڭ ئالدىدا ئەززەتلىك قىلدى. ئاپا - كۆيۈم قەدر - قىممىتىمنى ئاشۇردى. باھادىر ئېرىمدىن ئايرىلىپ قالغان بولساممۇ، شەرمى - ھايا، ئاپا - كۆيۈمۈم بىلەن يۇغۇرۇلغان پاك مۇھەببىتىم ئارقىلىق يەنە بىر غەيۇر ئەزىمەتنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ بەختلىك بولدۇم. بىئارام بولماي خاتىرجەم ياتسىلا. ئوغۇل - قىز نەۋرىلىرىنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ياخشى تەربىيە قىلىمەن. ئەلگە ياراملىق، غۇرۇرلۇق، پىداكار مەردلەردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىمنى ئايىمايمەن…
باياتىن خوتۇننىڭ يىغلامسىراپ ئېيتقان سۆزلىرىنى چىنار دەرىخىنىڭ دالدىسىدا تىڭشاپ تۇرغان ئېلىزادەگۈلنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىلىرىدىن چۈشكەن ئاي نۇرى قەبرە
تۆپىسىدە ئالقانچىلىك ئالقانچىلىك ھال رەڭلىك شولىلارنى پەيدا قىلغانىدى. بۇۋىئايىشە قەبرىگە باش قويۇپ يىغلىغىلى تۇرغاندا، چىدالمىغان ئېلىزادەگ بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.
بۇۋىئايىشە، سەۋرى قىلىڭ. بۇنداق يىغلىسىڭىز مەرھۇمە ئانىمىز قانداقمۇ تىنچ ياتالىسۇن؟ ئەتە ئەتەگەندە يولغا چىقىمىز. چېدىرغا كىرىپ بىرئاز ئارام ئېلىۋېلىڭ، دېدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن.
بۇۋىئايىشە ئۈن چىقارماي ئورنىدىن قوپتى. ئېرىگە مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن باقتى.
ئابام مانا شۇ يەردە قۇربان بولغان. كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ئۆزۈمنى زادىلا تۇتالمىدىم. تەھرىمدىن دۇنيادىكى بارلىق قارا نىيەت، ئاسىي، باغرى تاش خۇنخورلارغا جازا ۋە ئۆلۈم تىلەپ تونېمەكچى ئىدىم. خەيرىيەت، سىلى بۇنداق دەپ قالدىلا، ئەمدى كىرىپ ئۇخلاي، بۇۋىئايىشە ئونسىز خوشلىشىپ، ھەمشىرە ئاچىلار ياتىدىغان چېدىرغا كىرىپ كەتتى.
ئۇلار ئەتىسى بامدات نامىزىنى ئوقۇپلا يولغا چىقىشتى. ئەھۋال ئۇقۇش ۋە چارلاش ئۈچۈن سەھەردىلا يۈرۈپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئۆچقۇر ئاتلىرىنى توختاتماي مېڭىپ، چۈش ۋاقتىدا چەكسىز كەتكەن يايلاققا كەلدى. ئات، كالا، قوي پادىلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئەسكەرلەر ئەجەبلىنىپ ئەتراپنى كۆزىتىپ چىقىشتى. ئىنس-جىن يوق ئىدى. چىغىر يولنى بويلاپ تېز مېڭىشتى. كۈن پاتاي دېگەندە ئىككى پادىچى ئۇچرىدى.
سىلەر كىم بولىسىلەر؟ سورىدى ئەسكەرلەر باشلىقى ئېلىك سەردار.
بىز چوپان.
قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟
قەيەرگە بولاتتى، قىشلاققا.
— كالا، قويلىرىڭلار قېنى؟ — ئىبراهيم بۇغراخاننىڭ لەشكەرلىرى بۇلاپ كەتتى. — قاچان؟ — پېشىن نامىزىدىن يانغان مەھەلدە. — مۇشۇ يەردىمۇ؟ — يايلاقنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە. — قانچە ئادەم ئىكەن. — بىر توپ ئادەم. يىگىرمە — ئوتتۇزدىن كەم ئەمەس. ئېبەك ئەييار سارغۇچ شاپ بۇرۇتىنى تولغاپ — تولغاپ قويدى. ئىككى چوپانغا بەشتىن ئون تەڭگە پۇلنى بەردى — دە، ھەمراھلىرى بىلەن ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ غەرب تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كېچىلەرمۇ ئاتتىن چۈشمەي قۇرۇق نان يېيىشتى. بۇلاق، ئېقىن ئۇچرىغاندىلا چاڭقىغىنى قاندۇرۇشتى. يەتتە كۈن، يەتتە تۈنلۈكتىن ئۆتۈپ كۈن تىكلەشكەندە باغۇبوستانلىق بىر قىشلاققا يېتىپ كېلىشتى. قىشلاق يولىغا ياساۋۇل — سىپاھلار، ئات — ھارۋىلار توشۇپ كەتكەنىدى. ئېبەك ئەييار: «بۇ ئىبراهيم بۇغراخاننىڭ لەشكەرلىرى بولمىسۇن يەنە» دەپ، ھەمراھلىرى بىلەن توۋۇش چىقارماي دۆڭ — دەرەخلەرنى دالدىلاپ يېقىن بېرىپ، سىنچىلاپ قارىدى. بىر قول ئۇنىڭ گەجگىسىدىن تارتىپ، مۇشت ئۇرۇپ قۇلاق تۈۋىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. — نېمە ئۈچۈن مارايسەن ئەبلەخ! ئىبراهيم بۇغراخاننىڭ كۆچۈكلىرىدىن ئوخشىمامسەن؟ — دەپ ياقىسىدىن سىقتى ساۋۇت — دۇبۇلغا كىيگەن گەۋدىلىك ئادەم. ئېبەك ئەييار سەپىلدەپ، بىر توپ سىپاھنىڭ ئۆزىنى ۋە ھەمراھلىرىنى ئورىۋالغانلىقىنى كۆردى. — پوق يەپسەن خۇمپەر، ئىبراهيم بۇغراخاننىڭ كۆچۈكلىرى تۇرۇپ، نېمىدەپ ئالچىۋاتىسەن؟ — دېدى ئۇ غەزەپلىنىپ. — ئالچىغان سەن ئەبلەخ! مەن دېگەن توغرۇل قاراخاننىڭ
ئالىپلىرىدىن بولىمەن! گەۋدىلىك سىپاھ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئېلىپ، كېلىڭلار بۇ جاسۇسلارنى تۇتۇڭلار! دەپ ۋارقىرىدى. يوپۇرۇلۇپ كەلگەن سىپاھلار ئېبەك ئىبىيار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى باسماقداپ تۇتۇۋالدى.
قويۇۋېتىش خۇپىەرلەر! دەپ كىبىرلەنگەن ئېبەك ئىبىيار ئۆزىنى باغلىغان تاننى ئۈزۈۋەتتى. ئۇ مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئىككى سىپاھنى ئۇچىدىسىغا چۈشۈردى. قولىغا گۈرزىنى ئېلىپ:
قايسىڭ يېقىنلاشساڭ كاللاڭنىڭ مېجىقىنى چىقىرىۋېتىمەن. قېنى دېگەن سۆزلىرىڭ راست بولسا، مېنى توغرۇل قاراخان بارگاھىغا ئېلىپ بېرىش! دېدى ئۇ دەۋەيلەپ تۇرغان سىپاھلارغا.
سەن كىم ئۆزۈڭ؟ سورىدى گەۋدىلىك سىپاھ.
كىملىكىمنى خاننىڭ ئالدىغا بارغاندا بىلىسەن.
ماقۇل ئەمىسە!
يۈزبېشى ئۇنى مىڭبېشىغا تاپشۇردى. مىڭبېشى تۈمەن بېگىگە، ئۇ سۇباشى بارگاھىغا ئېلىپ باردى. سۇباشى ئۇنى خانتويىغا ئېلىپ كىردى.
ئېبەك ئىبىيار ئالتۇن قۇتۇغات قادالغان دۇبۇلغا، كۈمۈشتىن ياسالغان ساۋۇت كىيىپ تەختتە مەغرۇر ئولتۇرغان توغرۇل قاراخاننى كۆرۈپ تىزىلاندى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىيلىرى، مۇبارەك دىدارلىرىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغان تەڭرىدىن مىننەتدارمەن.
سالامەت بولغىن. كىم ئۆزۈڭ؟
پېقىر، ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخاننىڭ ئىبىيارلار باشى ئېبەك سەردار بولىمەن.
ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان قەيەردە قالدى؟ گۇمانى نەزەر بىلەن تىكىلگەن توغرۇل قاراخان سورىدى.
ئوردۇكەنتتە قالدى، ئالىيلىرى.
مەكتۇپ ئېلىپ كەپسەن دە؟
— يوقسۇ، ئالىيلىرى. پېقىر، بىر تۈمەن لەشكەرگە باش بولۇپ ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىدە بولۇش ئۈچۈن ئاتلانغان كۆك بۆرە ئالپ ئېلىزادەبەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، يول ۋە ئەتراپنى چارلاپ كېلىۋېتىپ، ھەزرەتلىرىنىڭ سىپاھىلىرىغا ئۇچراپ قالدىم. — كۆك بۆرە ئالپ ئېلىزادەبەگ قەيەردە قالدى؟ — بەك يىراقتا ئەمەس، خۇدا بۇيرۇسا ئەتە بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. — سېنىڭ قانچە ئادىمىڭ بار؟ — ئوتتۇز، ئالىيلىرى. — چىقىپ، ئورۇنلىشىپ بەھۇزۇر ئارام ئېلىڭلار. خەزىنىچى بەگ، بۇلارغا كۆدۈت تەقدىم قىلىنسۇن! — خوب، ئالىيلىرى، — خەزىنىچى بەگ ئىشىككە قاراپ ماڭغاندا ئېلىەك ئەييار قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۆتۈندى: — رەھمەت، ئالىيلىرى. مەن ئادەملىرىم بىلەن ھازىرلا قايتىپ، بارسغاندىكى غەلىبە خەۋىرىنى ئالپ ئېلىزادەبەگكە يەتكۈزەي، ئىجازەت بەرسىڭىزلا. — كۆدۈت تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن ئارام ئېلىۋېلىپ يولغا چىقىڭلار. ئالپ ئېلىزادەبەگكە سالامىمنى يەتكۈزۈڭلار! — رەھمەت، ئالىيلىرى، — ئېلىەك ئەييار ئادەملىرى بىلەن خانتويدىن چىقىپ كەتتى. توغرۇل قاراخان قول باغلاپ تۇرغان بۆرىبەگكە بۇيرۇدى: — ئىقبال تېگىن بارگاھىغا بېرىپ ئۇنى ئالپ ئېلىزادەبەگنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار قىلغىن. ئەتە ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالسۇن. — خوب، ئالىيلىرى! — بۆرىبەگ خانتويدىن چىققاندا، خەزىنىچىنىڭ چېدىرىغا كىرىپ كۆدۈت تاپشۇرۇۋالغان ئېلىەك ئەييار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تاماقتىن يېيىشكە كىرىشكەنىدى. يېڭى كىيىم كىيىپ، يېڭى قوراللار بىلەن قوراللانغان ئېلىەك ئەييار كېچىچە توختىماي مېڭىپ، ئەتىسى چاشكا ۋاقتىدا،
تۇغ - ئەلەملىرىنى لەپىلدىتىپ كېلىۋاتقان ئېلىزادەبەك قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ بارسغاندىكى غەلىبە خەۋىرىنى يەتكۈزدى.
- ئىبراھىم بۇغراخان ئەل بوپتۇمۇ؟ - ئېلىزادەبەكنىڭ بىرىنچى سوئالى شۇ بولدى.
- بۇنى بىلگۈدەك بولمىدىم، سۇبېشى.
- قۇماربەكچە، بوزاغۇللار تۇتۇلۇپتۇمۇ؟
- ئەپسۇس، بۇنى سورىماپتىمەن.
- قان ئىچەر جاللات مۇڭسۇزچۇ؟ ئۇنىڭ ئۆلگەن ياكى تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا گەپ - سۆزمۇ ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟
- توغرۇل قاراخان بارگاھىدا ئۇزاقراق تۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن مۇڭسۇز توغرىلۇقمۇ سورىماپتىمەن. بەك دۆتلۈك قىلىپتىمەن، سۇبېشى، كەچۈرگەيلا.
- خەيرىيەت، كېرەك يوق. توغرۇل قاراخان ئالىيلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، غەلىبە خەۋىرىنى تېز ئېلىپ كەلگىنىڭىز ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ. بىز يولنى داۋاملاشتۇرايلى، - ئېلىزادەبەك ئۇنىڭغا كۆڭۈل تەقدىم قىلىپلا يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار توختىماي مېڭىپ يەتتە كېچە، يەتتە كۈندىن ئۆتتى. ئەتىسى كەچقۇرۇن بۇلۇتلار ئۈستىدە كەچكى شەپەق پەيدا بولغاندا، ئالدىغا چىققان بايبەگ ئىىنال تېگىن بىلەن ئۇچراشتى. ئېلىزادەبەك پىيادە بولۇپ ئۇنىڭغا سالام بەردى:
- كۆك بۆرە ئالىپ ئېلىزادەبەك ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. بايبەگ ئىىنال تېگىن ئاتتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
- ئەي ھەسەن ئېلىكخان ئالىيلىرىنىڭ ئوردۇكەنتنى ئىشغال قىلىپ قازانغان نۇسرەتلىرى بىزگە ئىلھام، جاسارەت بەخش ئەتتى، ئالىپ ئېلىزادەبەك، غالىپ قەدەم تەشرىپىڭىز
غەلىبىمىزگە غەلىبە قوشقۇسى.
ئۇلار يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئاي كۆتۈرۈلگەندە، مىجىلغان ئوتقاشنى لاۋۇلدىتىپ، توغرۇل قاراخان بارگاھ قۇرغان قىشلاققا يېتىپ كەلدى.
— ئىىنال تېگىن بالام، كۆك بۆرە ئالىپ ئېلىزادەبەككە نۇسرەت قازانغانلىقىمىزنىڭ شاھىتى بولغان ياۋنىڭ مەرەز بېشىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ، — دېدى خانتۇي ئالدىدا كۈتۈپ تۇرغان توغرۇل قاراخان كۆرۈشۈپ بولۇپ.
— باش ئۈستىگە، خان ئاتا، ئالىپ ئېلىزادەبەمۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقاندۇ؟ كۆرسىتىپ كېلەي.
بايبەگ ئىىنال تېگىن ئېلىزادەبەگنى ئۆز بارگاھىغا باشلاپ باردى. خانتۇي ئالدىدىكى خادىغا بىر باش ئېسىپ قويۇلغانىدى. ئەتراپىدا بىر قانچە سىپاھ ئوتقاش تۇتۇپ قاراۋۇللۇق قىلىۋاتاتتى.
ئېلىزادەبەگ «بۇ كىمنىڭ كاللىسىدۇ؟» دەپ يېقىن بېرىپ قارىدى — دە، چۆچۈپ كەينىگە داجىدى.
— تونۇدىڭىزمۇ؟ — سورىدى بۆرىبەگ.
— تونۇدۇم، — دېدى ئېلىزادەبەگ خۇنۇك كۆزلىرى چەچەپ كەتكەن، چاچ — ساقاللىرىغا قان داغلىرى ئۇيۇپ، ئېڭىكى چۈشۈپ قالغان دەھشەتلىك چىرايغا قاراپ سىلكىنىپ كەتتى، — بۇ ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ بېشىغۇ. تېنىدىن جۇدا قىلىنغان ئالىپ كىمكىن؟
— ئىبراھىم تېگىننىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلغان باشقا بىر ئالىپ ئەمەس، بارسغان ئېلىكخانى بايبەگ ئىىنال تېگىن ئالىيلىرى، — بۆرىبەگ جاۋاب بەردى.
— جەڭگاھتا ئېلىشىپمۇ، ياكى پەنەت بىلەنمۇ؟
بۇ سوئالدىن ئەجەبلەنگەن بۆرىبەگ ئىىنال تېگىنگە بىر قارىۋېلىپ دېدى:
ئاڭلاڭ ئالىپ ئېلىزادەبەگ، ئىبىراھىم بۇغراخان ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، بارسغانغا باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغاندا، توغرۇل قاراخان ۋە ئىنائەت تېگىننىڭ ئەمرى بويىچە شۇنداق شىددەت بىلەن قايتۇرما زەربە بەردۇقكى، ئۇلار بارسغاننىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سەپلىرى بۇزۇلۇپ، ئالدىغا ئەمەس، ئارقىسىغا قاراپ قۇيرۇقىنى خادا قىلدى. قوغلا - قوغلا زادى ئارام بەرمىدۇق. دەسلەپ چاپائۇللارباشى مۇڭسۇزنى ئەسىرگە ئالدۇق. كېيىن ھارامزادە تۈلكە بوزاغۇنىمۇ يارىلاندۇرۇپ تۇتۇۋالدۇق. مۇشۇ قىشلاققا يېقىنلاشقاندا، بايبەگ ئىنائەت تېگىن قېچىپ كېتىۋاتقان ئىبىراھىم تېگىنگە يېتىشىۋاپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن قىلىچلىشىپ، قىلىچىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپتۇ. ئۆزىمۇ يارىلىنىپ يىقىلىپتۇ. ئىنائەت تېگىن ئۇنى ئات ئاستىدىن تارتىپ چىقىرىپ قىلىچ بېرىپتۇ. «ساڭا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ ساۋاقدىشىم، ھايات قالاي دېسەڭ ئەل بولغىن. يەنە ئېلىشىمەن دېسەڭ نۆۋەتنى ساڭا بەردىم» دەپتۇ. «بۇغراخان تۇرسام ساڭا ئەل بولىمەنمۇ؟» دەپ، كۈچ بىلەن قىلىچ ئۇرۇپتۇكى، ئىنائەت تېگىننىڭ قالقىنى ئىككى پارە قىلىۋېتىپتۇ، يارىلاندۇرالماپتۇ. بىزنىڭ بايبەگ ئىنائەت تېگىن گۈرزە بىلەن بىر ئۇرۇپ ئۇنى يەنە يىقىتىپتۇ. «ئەل بولامسەن بۇغراخان؟» دېگەن ئىكەن. «ياق ئىنائەت تېگىن، ئەل بولساممۇ ئاتام مېنى ئەپۇ قىلمايدۇ. ئەبو ھەسەن ئارسلانخان جازالىماي قويمايدۇ، ساۋاقداشلىق يۈزۈمنى قىلماقچى بولساڭ، ئەسىر ئالماي، قەتىل قىلۋەت» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بايبەگ ئىنائەت تېگىن ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپتۇ. بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز ياكى نەپرەتلىنەمسىز؟
— مەن ئىبىراھىم تېگىننىڭ بۇغراخان جەمەتىدىن تۇرۇپ، ئۆز مەملىكىتىگە، جەمەتىگە، خەلقكە ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن. بۇنداق غۇرۇرنى، ۋىجداننى يوقاتقان پادىشاھلارغا رەھىم قىلغىلى بولمايدۇ. شاھ ئائىلىسىدە ئۆسۈپ
يېتىلگەن، كاتتا ئۆلىما، ئالىملاردىن تەربىيە ئالغان بىر پېشقەدەم كىشىنىڭ ھەققىقەت تەرەپتە تۇرالماي، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغىنىغا بەكمۇ ئېچىنىمەن.
ئالىپ ئېلىزادەبەكنىڭ جاۋابى بايبەگ ئىىنال تېكىنگە ماقۇل كەلگەن بولسا كېرەك، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، ئېلىزادەبەك كاللىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى:
— ئىبراھىم تېكىن قارا نىيەت، ئاسىي سۆيۈنچەستىچىلەرگە باشپاناھ بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ جازا ھەق، ئەلۋەتتە. كاللىسىنىڭ ئېسىپ قويۇلغىنىمۇ ھەممە ئۈچۈن ئىبرەت. ئالىملاردىن ئۆتۈنىمەنكى، ساۋاقداشلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئاسقۇدىن ئۇنىڭ بېشىنى ئالدۇرۇۋەتمىسە. روھى ئازابلىنىپ قالمىغاي.
— توغرا دېدىڭىز، سۇبېشى. ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ بېشىنى ئېسىپ قويمايتتىم. ھەرقانداق بىر گۇناھكارغا نىسبەتەن ئۆلۈم جازاسى ئەڭ ئېغىر جازا ھېسابلىنىدۇ. ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈستىلەپ جازالاش ئۆلگەن گۇناھكار ئۈچۈن قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنىڭ بېشىنى ئېسىپ قويدۇم؟ — ئىنال تېكىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئاتام، تاغامنىڭ، ياش شاھزادە، مەلىكىلەرنىڭ، ساداقەتمەن يۇغرۇش، سانغۇن — سەرگەردىلەرنىڭ، بۈگۈ بەگە، بوغۇغلارنىڭ، نۇرغۇن ياخشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا چىققان ئالۋاستى ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربىكەنى جازالاش ئۈچۈن ئېسىپ قويغاندىم. ئۇ تۇتۇق بەرمەي قېچىپ كەتتى. ئوغلىنىڭ بۇ ھالىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىق زەربە بولىدۇ. ماقۇل ئېلىزادەبەك، — ئىنال تېكىن بۇيرۇپ، كاللىنى ئاسقۇدىن ئالدۇرۇۋەتتى.
قاراۋۇل، ياساۋۇللارنىڭ قوللىرىدىكى ئوتقاشلار قىزىل تىللىرىنى ھەريانغا سوزۇپ يالقۇنجايتتى. تولۇن ئاي نۇرى ئىنال تېكىننىڭ كەينىدىن خانتويغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئېلىزادەبەكنىڭ دۈمبىسىدە چاقنىدى…
يېتىلگەن، كاتتا ئۆلىما، ئالىملاردىن تەربىيە ئالغان بىر پىكىر ئىگىسىنىڭ ھەقىقەت تەرەپتە تۇرالماي، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغىنىغا بەكمۇ ئېچىنىمەن.
ئالىپ ئېلىزادەگنىڭ جاۋابى بايبەگ ئىىنال تېگىنگە ماقۇل كەلگەن بولسا كېرەك، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، ئېلىزادەگ كاللىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى:
— ئىبراھىم تېگىن قارا نىيەت، ئاسىي سويلارغا باشپاناھ بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ جازا ھەق، ئەلۋەتتە. كاللىسىنىڭ ئېسىپ قويۇلغىنىمۇ ھەممە ئۈچۈن ئىبرەت. ئالىيلىرىدىن ئۆتۈنىمەنكى، ساۋاقداشلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئاسقۇدىن ئۇنىڭ بېشىنى ئالدۇرۇۋەتسەڭلار. روھى ئازابلىنىپ قالمىغاي.
— توغرا دېدىڭىز، سۇبېشى. ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ بېشىنى ئېسىپ قويمايتتىم. ھەر قانداق بىر گۇناھكارغا نىسبەتەن ئۆلۈم جازاسى ئەڭ ئېغىر جازا ھېسابلىنىدۇ. ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈستىلەپ جازالاش ئۆلگەن گۇناھكار ئۈچۈن قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنىڭ بېشىنى ئېسىپ قويدۇم؟ — ئىنال تېگىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئاتام، تاغامنىڭ، ياش شاھزادە، مەلىكىلەرنىڭ، ساداقەتمەن يۇغرۇش، سانغۇن — سەرگەردىلەرنىڭ، بۈگۈ بىلگە، بوغۇغلارنىڭ، نۇرغۇن ياخشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا چىققان ئالۋاستى ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربىكەنى جازالاش ئۈچۈن ئېسىپ قويغاندىم. ئۇ تۇتۇق بەرمەي قېچىپ كەتتى. ئوغلىنىڭ بۇ ھالنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىق زەربە بولىدۇ. ماقۇل ئېلىزادەگ، — ئىنال تېگىن بۇيرۇپ، كاللىنى ئاسقۇدىن ئالدۇرۇۋەتتى.
قاراۋۇل، ياساۋۇللارنىڭ قوللىرىدىكى ئوتقاشلار قىزىل تىللىرىنى ھەريانغا سوزۇپ يالقۇنجايتتى. تولۇن ئاي نۇرى ئىنال تېگىننىڭ كەينىدىن خانتويغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئېلىزادەگنىڭ دۈمبىسىدە چاقنىدى…
2
كۈن ئولتۇرۇشقا بىر غۇلاچ قالغاندا بەگىيۈسۈپ ئوردىدىن قايتتى. بۈگۈنمۇ سۇلتانبەگ بىلەن دىلداربىكەنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشىكنى جانىپىدا غوجام ئاچتى: — بوۋا! — ئۇ بىر سەكرەپ بەگىيۈسۈپنىڭ بېلىگە چەمەك سېلىۋالدى، — ئاپام، ئاتامدىن خەۋەر بارمۇ، ئېيتىپ بېرىڭ. — سالام قېنى؟ سالامنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ بۆرەم؟ — بەگىيۈسۈپ جانىپىدا غوجامنى يەرگە دەسسىتىپ قويدى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بوۋا! — قول قوشتۇرۇپ سالام بەردى ئۇ، — خوش خەۋەر ئېلىپ كەلگەنسەن؟ — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. ئاپالىرىڭ كەلگۈدەك، ئالدىغا چىقارسەن، — بەگىيۈسۈپ نەۋرىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ باغرىغا باستى. — چىقىمەن، تايغا مىنىپ چىقىمەن، بوۋا. — ئوھۇ! چوك بولۇپسەن بالام! — دەپ بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرگەن بەگىيۈسۈپنىڭ ئالدىغا چاچ تەڭگىلىرىنى جىرىڭلىتىپ زۆھرەيدە كەلدى. — ئەسسالام، بوۋا! — قىزچاق ئونىغا ئېسىلدى. — بوۋاقلارنى چارچىتىپ قويماي ئۆيگە باشلاڭلار، — دېدى ئىتتىك كەلگەن دىلداربىكە سالام بېرىپ، — تۆگە تاتاڭ بولۇۋاپسەنغۇ قىزىم. — ھەئە، ئۆيگە كىرىپ ئاندىن چۈشىمەن. ئاكام ئات مىنگەنلىكىدىن كېيىن، بوۋامنى يىتلىسۇن، ماقۇلمۇ ئاپا؟ زۆھرەيدەنىڭ سۆزى بەگىيۈسۈپنى كۈلدۈرۈۋەتتى. — بۇ قىزچىقىم بەك زېرەك، بەك ئوماق. داۋالانغىلى كەلگەن خوتۇن — قىزلارنى تاتلىق قىلىقى، چۈچۈك تىلى بىلەن ھەيرانۇھەس قىلىۋېتىدۇ.
بەگىيۈسۈپ قولىنى جانىبىدا غوجامغا بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېھمانخانىغا كىردى. زۇبەيدەنى كۆرپىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى يۆكۈندى. — ئامىن! تەڭرىم ئەلنى ئامان، يولىمىزنى راۋان قىلىپ بەرگىن. بالىلار يېتىم بولۇپ قالمىسۇن. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلمىسۇن. ھەر قاچان، ھەر زامان بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە ئۇچرىغان ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام ئاتا قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن، ئامىن! — دەپ دۇئا قىلدى. — ئاپام، ئاتامنى ئەكىلىپ بەرگىن خۇدايىم، — جانىبىدا غوجامنىڭ بۇ دۇئاسىغا زۇبەيدەمۇ ئاۋاز قوشتى: — ئاپام، ئاتامنى ئەكىلىپ بەرگىن خۇدايىم، سېغىنىپ كەتتىم. ئىككى بالىنىڭ تىلىكىنى ئاڭلىغان دىلداربىكىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ كۈنگىچە بالىلىق بولالماي كېلىۋاتقىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانىدى. — خۇدايىم دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ بېرىدۇ ئوماقلىرىم، — دەپ ئورنىدىن قوپتى، — مەن ئەمدى داستىخان سالاي. بەگىيۈسۈپ: — ئاۋۋال مەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزەي. ئاندىن داستىخان سالسىلا، — دەپ ئۇنى ئولتۇرغۇزدى، — بارسغاندىن چاپارمان كەلدى. ئېلىزادەبەگ قوشۇنى بىلەن بارسغانغا يېقىنلاشقاندا، توغرۇل قاراخان، ئىقبال تەگىن لەشكەرلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان ئىبراهيم تەگىننىڭ قاچاق سىپاھىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. توسۇپ زەربە بېرىپ كۆپ قىسمىنى ئەسىر ئاپتۇ. پەقەت ئالۋاستى قۇماربىكەلا قېچىپ كېتىپتۇ. ئېلىزادەبەگ تاجوتاختىنى دەپ ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يانمىغان ئاسىي ئىبراهيم تەگىننىڭ كاللىسىنى ئالغان ئالىپ بايبەگ ئىقبال
تېگىن ۋە توغرۇل قاراخان بىلەن دىدار كۆرۈشۈپتۇ. بوزاغو، مۇڭسۇزلەرمۇ يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپتۇ، — بەگىيۈسۈپ نەزىرىنى ئىككى يېنىدا ئولتۇرغان ئوغۇل — قىز گۆدەككە قاراتتى، — غەم قىلماڭلار، ئاتاڭلارمۇ، ئاباڭلارمۇ ئوبدان تۇرۇپتۇ. ساڭا بارسغاندا سوقۇلغان بىر خەنجەر، ئۇكاڭغا بىر زۇننار ئەۋەتىپتۇ، — دەپ جانىبىدا غوجامغا بىر خەنجەرنى بەردى. زۆبەيدەنىڭ بوينىغا زۇننارنى ئېسىپ قويدى. بالىلار خوشال بولۇشۇپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىشتى.
— ئالۋاستى ئابىنچۇ خاتۇننى تۇتالمىپتۇمۇ؟ ھەي ئىسسىت! — دېدى دىلداربېكە ئەپسۇسلانغان ھالدا.
— ئۇ ئالۋاستى چوقۇم تۇتۇلىدۇ. توغرۇل قاراخان، كىمدىكىم قۇماربېكەنى تۇتۇپ بەرسە ياكى ئۇ يوشۇرۇنۇۋالغان جاينى كۆرسىتىپ بەرسە يۈز سەر ئالتۇن بىلەن تارتۇقلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق پەرمان جاكارلاپتۇ. بايبەگ ئىقبال تېگىن ئۇ نىجىسنىڭ ئىز — دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن تەرەپ — تەرەپكە چاپائۇل قىسىم ئەۋەتىپتۇ. قىزىم بۇۋىئايىشە ھەمشىرە ئەلچى، نۆكەرلىرى بىلەن ئۇ رەھىمسىز جادۇگەرنى تۇتۇشقا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ تۇتۇلسىلا توغرۇل قاراخان ئوردىكەنتكە كېلىدىكەن. پادىشاھقا، ئېلىككە ئاسىيلىق قىلغان، ئاۋام خەلققە زۇلۇم سالغان قارا نىيەتلەرنى خودا ھېچقاچان مەقسىتىگە يەتكۈزگەن ئەمەس. ئىبرەت، ساۋاق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى كېچىكتۈرىدۇ، خالاس.
دىققەت بىلەن تىڭشاپ ئولتۇرغان جانىبىدا غوجام ئورنىدىن تۇرۇپ بەگىيۈسۈپنىڭ دولىسىنى ئىرغاتتى.
— ئابام، ئاتامنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىمدىغۇ بوۋا؟ بايا ماڭا كېلىدۇ، دېگەندىغۇ.
— ئابام، ئاتام قاچان كېلىدىكەن بوۋا؟ كۆرگۈم كېلىپ كەتتى، — زۆبەيدەمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئونىڭغا يېپىشتى.
— بولىدۇ، دەپ بېرىي، — بەگىيۈسۈپ گۆدەكلەرنى يېنىدا
ئولتۇرغۇزدى. چۆمپەردە ئاستىدىن ئۆزىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان دىلداربەككە شۇنداق بىر قارىۋېلىپ كۆڭلىدىكى سۆزىنى ئېيتتى، — ئاتاقلار ئېلىزادەبەك، ئاناغلار بۇۋىئايشە ئوردۇكەنتكە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يېتىپ كېلىدىكەن. ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالارسىلەر.
— كۈتۈۋالىمىز، كۈتۈۋالىمىز! — گۆدەكلەر چۇقىرىشىپ سەكرەپ كېتىشتى.
بالا ئۈچۈن ئاتا — ئاندىن مېھرىبان غەمگۇزار يوقتۇر.
ئاتا — ئانا ئۈچۈن پەرەزەنتتىن سۆيۈملۈك تىلتۇمار يوقتۇر.
— ئەمدى مەن داستىخان سالاي، — دىلداربەك ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچكىرى ھويلىدىكى ئاشخانىغا چىقتى. بەگىيۈسۈپنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ قالدىمۇ، ياكى گۆدەكلەرنىڭ سەمىمىي تىلىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىمۇ، يىغلاپ تاشلىدى.
بۇ ۋاقىتچە دىلداربەكنىڭ باشقىلار ئالدىدا ياش تۆككىنىنى كۆرمىگەن شاگىرت، خىزمەتكار، دېدەكلەر نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي ئەنسىرەپ قېلىشتى.
— نېمە بولدىلا ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم؟ — سورىدى يىللاردىن بېرى خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان دېدەك ئايال.
— ھېچنېمە بولمىدىم، — ئۇ ياشلىقنى كۆزىگە باستى، — ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ كاللىسى ئېلىنىپتۇ. توغرۇل قاراخان ئوردۇكەنتكە كېلىدىكەن. بىزنىڭ ئۆيگە تولا كېلىدىغان ھېلىقى قان ئىچەر جاللات مۆجۈزمۇ ئەسىر ئېلىنىپتۇ. خۇشاللىقىمدىن يىغلاپ سالدىم. ھە، كېسەللەرگە تاماقتىن بەردىڭلارمۇ؟
— بەردۇق، ئۆزىمىزمۇ يېۋالدۇق. سىلىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندۇق، ئاتاساغۇن خېنىم. مېھمانلارغا تاماق ئاچىقمىدۇق؟ — سورىدى مەخسۇس تاماق ئېتىدىغان ئاشپەز ئايال.
— ئاۋۋال چاي، مەزە، گېزەك ئەكىرىڭلار. ئاندىن تاماق يەيلى.
دىلدارىبەك كۆز ياشلىرىنى ئېرتىپ مېھمانخانىغا چىقتى. داستىخان سېلىپ چاي قويدى.
— ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلاشقا تەقەززا بولغان خۇش خەۋەرنى سىلىدىن ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن مىڭ شۈكۈر بەگىيۈسۈپ. ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ھەممە نېمىسى تۈگەيدىكەن. كېچىرمىشمۇ ئاخىرلىشىدىكەن. ئادەم ھايات بولسا، ياخشى — يامان ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ئادەمنى يېڭى ئىش، يېڭىلىق كۈتۈپ تۇرىدىكەن. بىر تىلەككە يەتسەڭ، ئارقىدا يېڭى بىر تىلەك پەيدا بولىدىكەن. بىر ئارزۇيۇڭ گۈل ئاچسا يېڭى بىر ئارزۇ كۆڭلۈڭدە غۇنچىلايدىكەن. ئۆمۈر دېگەن شۇنداق ئۆتىدىكەن. مەن ھەممە ئارزۇ تىلەكلىرىمگە يەتكەن بولساممۇ، تەقدىرىم بىر ئارزۇ تىلىكىمگە تېخى يەتكۈزمىدى، — ئۇنىڭ ياش ئەگىگەن كۆزلىرىدە قايغۇلۇق تەبەسسۇم پەيدا بولدى. رومىلى توسۇپ تۇرغاچ ساھىبجامالنى بەگىيۈسۈپ كۆرەلمىسىمۇ، روھىي ھالىتىدىكى سۆيۈنۈش بىلەن ئۆكۈنۈشنى ھېس قىلىپ ئىختىيارسىز سورىدى:
— سىلى يېتەلمىگەن ئاشۇ ئارزۇ — تىلەكنى يېقىنلارغا ئاشكارىلاشنى خالىمامدىلا؟
— بۇ ئارزۇ — تىلىكىم تەقدىرىمدىن بۆلەك جىمى مەۋجۇداتقا سىر، بەگىيۈسۈپ. ئۇنى ئاشكارىلاشنى خالىمايمەن.
بەگىيۈسۈپ «ئاشكارىلاشنى خالىمايمەن» دېگەن سۆزنىڭ ناھايىتى بوش، ھەسەتلىك ئېيتىلغانلىقىدىن، «ئاشكارىلىنىشنى خالايدىكەن. ئۆز ئاغزىدىن ئەمەس، ئارزۇسىدىكى كىشى تەرىپىدىن» دېگەن نەتىجىگە كېلىپ، ئالدىغا قويۇلغان پىيالىگە قول ئۇزارتتى.
ئاش يېيىلىپ بولدى. دۇئا قىلىپلا خوشلىشىپ قايتىدىغان بەگىيۈسۈپ كېچە كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئورنىدىن مىدىرلىمىدى. زۆبەيدە ئۇنىڭغا ھاپاش بولۇۋالدى. جانىبىدا غوجام سۇلتانبەگنىڭ بوينىغا مىنىۋالدى.
— چۆھ، چاپە تايچىقىم! — نېمە قىلىۋاتىسەن بالام. چۈش يەرگە! — بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى سۇلتانبەگنىڭ بوينىدىن يۇلىۋالدى. يەرگە دەسسىتىپ قويۇپ، چاك قىلىپ بىر تەستەك سالدى، — كىچىككىنە تۇرۇپ ئادەمنىڭ بوينىغا مىنىۋالساڭ، چوڭ بولغاندا نېمە قىلارسەن ئەخمەق؟ چىرقىراپ يىغلىغان جانىپىدا غوجام يۈگۈرۈپ بېرىپ دىلداربىكەنى قۇچاقلىۋالدى. ھاپاش بولۇۋالغان زۆبەيدەمۇ سىيرىلىپ يەرگە چۈشۈۋالدى. — ئابا! مېنى بوۋام ئۇردى. — بەگىيۈسۈپ، بۇ بالا تۇرسا، چىرايلىق گەپ قىلماي نېمىشقا ئۇرىلا؟ بۈگۈن نېمە بولدىلا زادى؟ — ئاچچىقلاپ سورىدى دىلداربىكە. بەگىيۈسۈپ بايا كىرگەندە ئاسقۇچقا ئېسىپ قويغان قىل قامچىنى ئالدى. — بۇ بالىنى ئۆزىدىن چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەدەپلىك بالا بولدى، دەپ ئامراق ئىدىم، بۇنداق قىلىقسىز بولۇپ كەتكىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن. ئادەممۇ بوينىغا مىنگەن بارمۇ؟ ئات — ئېشەك مىنىش ئۈچۈن ئاغىزسىز يارىتىلغان. ئادەم بىر — بىرىنى قەدىرلەش ئۈچۈن ئاغىزلىق يارىتىلغان. بالىدىن يىراق تۇرۇسلا، دىلداربىكە، قامچىنىڭ تەمىنى بىر تېتىپ باقسۇن، — بەگىيۈسۈپ كۆز يۇمۇشلاپ قويۇپ، قامچىنى كۆتۈردى. — بوۋا، ئوبدان بوۋا ئۆرمىسۇن، — جانىپىدا غوجام يىلاندەك تولغىنىپ تۇرغان قامچىغا بىر قاراپ، دىلداربىكەگە يېپىشىۋالدى. — بۇنىڭدىن كېيىن ئادەم بوينىغا مىنىۋالامسەن؟ — ياق، ئەمدى ھەرگىز مىنمەيمەن، مىنمەيمەن، بوۋا! ئۆرمىسۇن! — بۇ سۆزۈڭ راستمو، تەنتەك؟
— راست بوۋا، راست. ئەمدى مىنمەيمەن. قەسەم ئىچىپ بېرىمۇ؟ — قەسەم ئىچمەي ۋەدە بەرگىن. — ماقۇل، بوۋا، — جانىبىدا غوجام مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈككەن قولىنى كۆتۈردى، — ئادەمنىڭ بوينىغا مىنمەيمەن، كۆتۈرگۈزمەيمەن. بۇ ۋەدەمنى ئۆمۈر بويى ئەمەل قىلىمەن. بەگىيۈسۈپ قامچىنى ئاسقۇچقا ئېسىپ قويدى. — سىنمۇ بوينۇڭغا ھېچكىمنى مىندۈرمە، كۆتۈرمە! ئادەم بوينىغا ئادەمنى مىندۈرسە، قەدىر — قىممىتىنى، غۇرۇرىنى يوقىتىپ ئات — ئېشەككە ئايلىنىپ قالىدۇ. — بىلدىم، بوۋا. بۇنىڭدىن كېيىن ئادەمنىڭ بوينىغا ھەرگىز مىنمەيمەن. مەنمۇ ئادەمنى بوينۇمغا مىندۈرمەيمەن، كۆتۈرمەيمەن، ئات — ئېشەك بولمايمەن. — ئەمدى ھەقىقىي ئادەمدەك گەپ قىلدىڭ، — بەگىيۈسۈپ ئۇنى باغرىغا بېسىپ سۆيدى. دىلداربىكە قاراپ كېتىپ: — بالىلىرىم، ئەمدى ھويلىغا چىقىپ ئويناڭلار. بوۋاڭلار بىرئاز ئارام ئېلىۋالسۇن، — دەپ گۆدەكلەرنى تاشقىرىغا چىقىرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن سۇلتانبەگمۇ چىقىپ كەتتى. — ئارام ئېلىۋالسىلا، — دىلداربىكە ياستۇق قويۇپ بەردى. بەگىيۈسۈپ يۆلىنىپ رۇسلىنىپ ئولتۇردى. — مەن ھۇزۇرلىنىپ ئارام ئېلىۋالدىم، دىلداربىكە، مەن ئاشۇ پاك گۆزەل قەلب سارايلىرىغا يوشۇرۇقلۇق سىرنى ئاشكارىلاي دەپ قالدىم. ئاچقۇچ مېنىڭ سەمىمىي لەۋزىمدە. — نېمە دەۋاتىلا، بەگىيۈسۈپ؟ — ئۆيدىن چىقىپ كەتكۈچى بولغان دىلداربىكە كەينىگە ياندى، — ئاچقۇچ مېنىڭ لەۋزىمدە دېدىلىمۇ — ھە؟! — شۇنداق، قەدىرلىك دىلداربىكە، — بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن قوپتى، — بالىلىرىمغا ئۆمۈرۋايەت ئانا بولۇشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. دىلداربىكەنىڭ قەلب كۆكىدە چىقىن چاققاندەك بولۇپ،
سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى. ھېلىھەم رومىلى سېيرىلىپ يەرگە چۈشۈپ، يۈزى ئېچىلىپ قالدى، بەگىيۈسۈپ يىگىرمە يىلدىن بېرى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن گۈزەل چىراينى ئاخىر كۆردى…
3
ئالىپ ئېلىزادەگۈلەر ئاي ئاخىرىدا ئەمەس، يېڭى ئاينىڭ بېشىدا كەلدى. ئۇ كۈنى قەشقەرنىڭ مانانلاشقان ئاسمىنىدىن شەبكەرەدەك ئۇششاق قار يېغىۋاتاتتى. ئەتراپ ئاپپاق، دەر - دەرەخلەرنىڭ ئاچىماقلىرىدا توختاپ قالغان زومچاق - زومچاق قارلار گويا باھار چېچەكلىرىنى ئەسلىتەتتى.
داغدام ئېچىلغان ئوردا ئىشىكىدىن باغرىق كەنتىگىچە بولغان چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قارشى ئېلىشقا چىققان سانجاق - سانجاق ئادەملەر بويۇنداپ قاراشقانلىرىچە ۋاڭ - چۇڭ قىلىشماقتا:
— توغرۇل قاراخان ئالىپ شاھلاردىن ئىدى، ياشىنىپ قالغاندۇ؟
— كۆرگەندە بىلىسىلەر، بۇرادەر.
— توغرۇل قاراخان ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ بېشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانىمىش، بۇ راستىمۇ؟
— راست بولماي، ئىبراھىم بۇغراخاننى توغرۇل قاراخاننىڭ كۆيۈئوغلى ئالىپ بايبەگ ئىقبال تەگىن ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلغانلىقىنى ئوردىنىڭ ئايغاقچىسى ئۆتكەن ھەپتە كوچا - كويلاردا جاكار قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئاڭلىماپلا - دە، ئاكا؟
— ئاڭلىماپتىمەن، ئۇكا. بۈگۈن ئۇ قانخورنىڭ بېشىنى كۆرىدىكەنمىز - دە.
— كۆرىمىز. ئۇنى كۆرۈپلا قالماي، ئۆزىنى قەيسەربەگ دەپ
ئاتۇۋالغان بوزاغو دېگەن ئاتىنى مۇناپىقنىمۇ باغلاقلىق ھالدا كۆرىمىز. — قۇمارى ئابىنچۇ خاتۇنچۇ؟ ئۇ ئالۋاستى جادۇگەر تىرىك بولسا چالما كېسەك قىلىش كېرەك! — ياق، ياق! چالما كېسەك قىلىش كۆپايە قىلمايدۇ. ئاتقا سۆرتىپ ئۆلتۈرۈش كېرەك! — قان ئىچەر جاللات مۇڭسۇز ئەسەرگە چۈشكەنمىدۇ؟ — ئەسەرگە چۈشۈپتۇ. ئۇنى ئالىپ بۆرىبەگ تۇتۇۋاپتۇ. — ئۇ قانخورنى دارغا ئېسىپ، ئاندىن تېرىسىنى تەنتۆر سويۇپ، سامان تىقىش كېرەك. … قارىشى ئالغىلى چىققان ئاۋام ۋە سىپاھلارنىڭ ئالدىدا، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان باشلىق بۇغراخان جەمەتىنىڭ شاھزادە — مەلىكلىرى ئورۇن تۇتقانىدى. ئوردا مۇلازىملىرى ئۇلارنىڭ بېشىغا قىزىل كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇشاتتى. ۋەزىر، ھاجىپ، سانغۇن، ئالىم، ئۆلىمالارمۇ ئۇلارنىڭ ئىككى يېنىدا قول قوشۇشتۇرۇپ تۇراتتى. ياساۋۇل، قارائۇل، نۆكەر — سىپاھلار ئوڭ ۋە سول تەرەپتە ھەيۋەتلىك سەپ تارتقانىدى. ئالتۇن توقا ئورنىتىلغان ئىككى بۇغرا تۇغىنىڭ چۇقۇرىنى تۇتقان ئىككى سەرگەردە قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ دىققەتتە تۇراتتى. ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن توقسان توققۇز ھۆرمەت قارائۇلى ناغرا — سۇناي، بۇغرا كاناينى كۆتۈرگەن شادىيانىچىلار توپىنىڭ ئالدىدا سەپراس بولغانىدى. تۇنجى قارنىڭ نەخوش پۇرىقى يۈز — كۆزلەرگە ئۇرۇلاتتى. قىزىل لېنتا چىگىلگەن ئاتنىڭ يالى يەلپۈنەتتى. چوك — كىچىك ھەممىلا نەرسە زەرى قىزىل توغلارنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشكەن يولدا ئىدى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ يېنىدا تۇرغان بەگىيۈسۈپ ئەتراپقا سەپ سېلىپ، يەنە يولغا قارىدى. ئاتۇشنىڭ قار باسقان
تاغلىرى ئۇنىڭغا يىراقتىن خۇددى كارۋان تۆگىلىرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
«ئەجەب ھايال بولۇپ قالدىغۇ ئۇلار. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازارىدا ھايال بولۇپ قالدىمىكىن؟…»
ئۇنىڭ خىيالى ئاخىرلاشماي، ئۇپۇق بىلەن يەرنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى يول ئۈستىدە قويۇق توزان پەيدا بولدى. بۇ ئات تۇياقلىرىدىن ھاۋاغا ئۆرلىگەن قار ئۇچقۇنلىرى ئىدى. بارا-بارا كېلىۋاتقان نۇرغۇن سىپاھلار كۆرۈندى.
— كەلدى، ئالىيلىرى، توغرۇل قاراخان ھەزرەتلىرى لەشكەرلىرى بىلەن كەلدى! — دېدى بەگىيۈسۈپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا.
— شادىيانە چېلىنسۇن، پايانداز سېلىنسۇن! — ئەمىر قىلدى ئېلىكخان ئاتتىن چۈشۈپ.
يولغا قىزىل پايانداز سېلىندى. بۇغرا — كاناي، ناغرا — سۇناي چېلىنىپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ۋەزىر-ۋۇزۇرلىرى بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلىرىنى كۆرۈپ ئاتتىن چۈشتى. ئىككى خان قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئەھۋال سوراشتى. بەگىيۈسۈپ قاتارلىق ۋەزىر، ھاجىپلار بىلەن سالاملاشتى.
ئېلىزادە بەگ غۇلاچ يېيىپ كەلگەن قېيىناتىسى بىلەن قۇچاقلاشتى. بەگىيۈسۈپكە كۈيۆئوغلۇ بوي تارتىپ ئۆستىخان سۈرگەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە، ئاياللار قاتارىدا دىلداربىكەنىڭ يېنىدا تۇرۇشقان جانىپدا غوجام بىلەن زۆبەيدە يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئاتىسىغا ئېسىلدى…
توغرۇل قاراخان قارشى ئېلىشقا چىققان ئاۋام، سىپاھلارغا:
— قېرىنداشلىرىم، ئاللا سىلەرگە ئامانلىق، كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي! — دەپ سالام بەردى.
— توغرۇل قاراخان ھەزرەتلىرى ئامان بولغاي! — دەپ
چۇقان سالدى كۆپچىلىك.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ بۇيرۇشى بىلەن سەركەردىلەر بۇغرا تۆگىلەرنى ئېلىپ كېلىپ چۆكتۈردى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى:
— قاراخان ئاتا، بۇغراغا سوۋار بولغايلا.
— بالام، مەن قېرىپ قالدىم. بۇغراغا سوۋار بولغۇدەك مادارىم قالمىدى. ئۆزلىرى سوۋار بولسلا، مەن دۇئا بېرەي.
— ئۇنداق دېمىسلا، قاراخان ئاتا، قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ئالىپ خاقانلىرىدىن ئۆزلىرى قالدىلا. سىلى تەختتە ئولتۇرسىلا، بۇغراخان جەمەتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئەھلى ئەمىن تاپىدۇ، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئونى قولتىقىدىن يۆلەپ بۇغرا تۆگىگە مىندۈردى. ئالىپ بۆربەگ يېتەپ ماڭدى.
توغرۇل قاراخاننىڭ دەۋىتى بىلەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانمۇ ئىككىنچى بۇغرا تۆگىگە مىندى. ئالىپ ئېلىزادەگ ئونى يېتەپ ماڭدى. ئۆلار ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن ھۆرمەت قارائۇللىرى، جاندارلار بىللە يۈرۈپ كەتتى.
شاھزادىلەر، خانىشلار، مەلىكىلەرمۇ ئۆلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
ئەمدى ھەمشىرىلەر بىلەن ئاتلىق كېلىۋاتقان قىزىغا بەگىيۈسۈپنىڭ كۆزى چۈشكەندە، ئاتلىق مېھرى بۇلاقلىرىدىن تاشتى. بۇۋىئايىشە ئاتتىن چۈشۈپ تەزىم قىلدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈزرۈكۋارىم ئاتا. ئامان — ئېسەن تۇرغايلا.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قىزىم. دىدار كۆرۈشتۈرگەن ئاللاھقا شۈكۈر. يوللىرىغا تولا قاراپ كۆزلىرىم تېشىلەي دېگەنىدى. سالامەت كېلىپلا، بالام. بەك خوش بولدۇم.
— ئاتاساغۇن ئابام ئامان تۇرغاندۇ؟ — بۇۋىئايىشە كېمىندۇ ئىزدىگەندەك قىلىپ سورىدى.
— ئوبدان تۇردى، بالام. ئەنە ئۆزىمۇ كېلىۋاتىدۇ، —
بەگىسۇپ، يولىنىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىۋاتقان دىلداربىكەنى كۆرسەتتى. «ئابا!» دەپ توۋلىشىپ يېپىشقان جانىپىدا غوجام بىلەن زۇبەيدە قىزنى باغرىغا باسقان بۇغۇئايىشە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى. — ئابا، ئۇستازىم… دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيىپ يۈزىگە نىقاب تارتقان بۇغۇئايىشە چۆمبىلىنى قايرىغان دىلداربىكە بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىرىدىن خوشاللىق يېشى قويۇلدى. «كۈتۈپ تۇرماي دىلداربىكەنى ئەمرىمگە ئالغىنىم خەيرلىك بولغانىكەن. قىزىم ئۆز ئانىسىنى كۆرگەندەك سۆيۈنۈپ كەتتى» دەپ ئويلىغان بەگىسۇپ ئۇلاردىن كۆزىنى ئۈزۈپ، نېرىراقتىكى سوۋادان تېھرەكنىڭ دالدىسىدا تۇرۇشقان بۈگۈ بەگكە، بوغۇغلارنىڭ يېنىغا كەلدى. ساچىيە، خانلىق مەدرىسەلىرىنىڭ تالىپلىرى، بىر قىسىم ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ سەپ تارتىپ ئۆتۈۋاتقان سىپاھلارغا، نان، ئۇسسۇزلۇق تۇتۇپ، ھال سوراپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەڭ ئاخىردا، قول - پۇتىغا قىسماق، كىشەن، بوينىغا تاقاق سېلىنىپ، قوتۇر ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ قويۇلغان بوزاغۇ، مۇڭسۇز، بۈگۈش، ھوشۇربەگلەر ئالدىلىرىدىن ئۆتكەندە، كۆپچىلىك ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى: — خونخورلارغا لەنەت! قارا نىيەت سويقەستچىلەرگە لەنەت! — ۋەھشىي قاتىللارغا لەنەت! لەنەت! — مۇناپىقلارغا لەنەت! لەنەت! ئەرئاتان نەيزىسىنى سانجىپ كۆتۈرۈۋالغان ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ بېشىنى كۆرۈشكەندە، ئامامنىڭ غەزەپ - نەپرەتلىرى قىيانىدەك تاشتى: — ئادالەت، ھەققانىيەتنىڭ كۆشەندىلىرى بولغان زالىم شاھلار ئۆلۈمگە مەھكۇم!…
قىلىچىنى تىك تۇتقان ئارسلان، ئەركانان ۋە ياساۋۇللار كۆپچىلىككە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئورۇقلاپ، ياناق سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان بوزاغۇنىڭ ئاقۇچ سېرىق يۈزى قارىداپ كەتكەنىدى. مۆكچەيگىنىچە ئاقساپ مېڭىۋاتاتتى. ئوڭ قولى كېسىپ تاشلانغان مۆڭگۈز بولسا لەنەت ئوقۇۋاتقان خالايىققا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئالىياتتى. يېرىلىپ قارىداپ كەتكەن لەۋلىرى مىدىرلاپ تۇرسىمۇ، ئاۋازى تېشىغا چىقمايتتى. قورقۇپ ھالدىن كەتكەن بۈگۈش، ھوشۇربەگلەر يەردىن باش كۆتۈرمەي ئاران - ئاران قەدەم باساتتى.
بىر چاغلاردا كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان بۇ مەلعۇنلار سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشماي مانا شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
قارائۇل، ياساۋۇللار «ھاي!…» دەپ تۇرسىمۇ، غەزەپلەنگەن ئاۋام ئۇ قارا نىيەتلەرنىڭ يۈز - كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، توپا چاچتى، تاش ئاتتى. يېنىمۇ غوجاممۇ بىر سوقچاق قوتۇر تاشنى كۆزلەپ ئاتتى. تاش تەقدىرگە تەن بەرمەي غاديسىپ كېتىۋاتقان مۆڭگۈزنىڭ چوقۇر يۈزىگە تەگدى. ئۇنىڭ چەچچەيگەن كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ كەتتى.
— بەتبەخت شۇم! قوللىرىڭنى كېسىپ، چاترىقىڭنى يىرتىۋەتمەيدىغان بولسام، خەپ! — دېدى ئۇ شالنى چىشلەپ.
— تەڭرىم ھەرگىز يامان نىيەتكە يەتكۈزمىگەي! — بۇۋىئايشە خەنجەرنى غىلاپتىن سوغۇرۇپ ئونىڭغا تەڭلىدى، — بىلىپ قوي ئەبلەخ! نىيىتى بۇزۇقنىڭ يولى تۇيۇق بولىدۇ. سەن مۇشۇ مېڭىشىڭدا دار ئالدىدا توختايسەن!
ياساۋۇللار مۆڭگۈزنى قامچىلاپ ئىتتىرىپ ئېلىپ كەتتى.
— ئابا، ئۇلار قانداق ئادەملەر؟ نېمىشقا ئۇلارنى باغلاپ ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ قويغان؟ — دەپ سورىدى زۆھرەدە، خەنجەرگە قىزىقسىنىپ قاراپ.
— ئۇلار ئادەم ئەمەس ئۇكام، خەلققە زۇلۇم قىلغان
ئالۋاستىلار. شۇڭا، ئېشەكلىنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ قويغان، دېدى ئانىسى جاۋاب بەرمىگۈچە يېنىدا غوجام بۇۋىسىنىڭ ئۆزىگە دېگەنلىرىنى تەكرارلاپ.
راست دېدىڭ، ئوغلۇم، ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارا سانىغان، زۇلۇم قىلغان، زىيان يەتكۈزگەن بەتنىيەتلىرىنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت ئىتلا ئۆز نەسىلىدىن بولغانلارنى تالايدۇ. ئۇ مەلئۇنلار ئىتتىنمۇ بەتتەر. بوۋاڭ بۇ توغرۇلۇقمۇ سۆزلەپ بېرىپتۇ ھە ! بۇۋىئايىشە ئاچچىقلىنىپ مۇشتۇمىنى تۈگكەن يېنىدا غوجامنىڭ بېشىنى سىلىدى.
سۆزلەپ بەرگەن، ئاپا. ئۇ ئەبلەخلەرنىڭ قاراخانىيلارغا قەست قىلغانلىقىنى، ئەلگە زىيان زەخمەت يەتكۈزگەنلىكىنى، مومامنى يولدا ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن، ئاتاساغۇن ئاپاممۇ سۆزلەپ بەرگەن. مەن شۇڭا مۇناپىق، ئاسىيلارغا بەك ئۆچ.
ئالىپ بۇغرام، بۇۋىئايىشە ئوغلۇمنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى، سىلەر بولاقبېشىدىكى ئۆيدە تۇرۇۋاتامسىلەر؟
سەن كەتكەندە ئاتاساغۇن ئاپامنىڭ تۆمەن بويىدىكى قورۇسىدا تۇرغانىدۇق. يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن بولاقبېشىدىكى ئۆيگە كۆچۈپ كەلدۇق.
نېمە دېدىڭ ئوغلۇم، ئاتاساغۇن ئاپاڭمۇ كۆچۈپ كەلدىمۇ؟
ھەئە، كۆچۈپ كەلدى. جىق خوتۇن قىزلار ئەكىلىپ قويدى. بوۋام بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇۋىئايىشە باياتىن ئۈن چىقماي تۇرغان دىلداربەكەگە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى.
بۇغرام توغرا دېدى. مەن بولاقبېشىدىكى ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن. سىلى قوبۇل كۆرەمدىلا قىزىم؟ دېدى ئۇ چۆمبىلىنى قايرىپ.
دىلداربەكەنىڭ قارا كۆزلىرىدە ۋىسالغا يەتكەن مەشۇقنىڭ خوشاللىقى چاقناپ، لەۋەن چېھرىنى يېقىملىق قىلدۇەتتى.
— قوبۇل كۆرىمەن، قوبۇل كۆرىمەن، ئابا. نەچچە يىلدىن بېرى شۇنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتاتتىم. خۇدايىم ئاخىر بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزۈپتۇ. تويغا قاتنىشالمىغىنىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن. تازا چوڭ توي بولغاندۇ؟
— ياق، بالام. ئاتىلىرى چوڭ توي قىلماقچىدى، مەن ئۇنىمىدىم. ئاتاممۇ مېنى ئاياپ دېگىنىمگە قوشۇلدى.
— نېمىشقا ئەمدى؟
— مەرھۇمە ئانىلىرى ئاقبىرانىڭ روھى قورۇنۇپ قالالمىسۇن دېدىم. توينى چوڭ ئۆتكۈزۈش شەرت ئەمەس. مۇھىم بولغىنى نىكاھ، نىكاھ ئەر — ئايالنى بىر — بىرىگە باغلايدىغان مۇقەددەس ھالقا. يېڭى ئائىلە بەرپا قىلىدىغان كۈچلۈك ئاساس. قورۇ — جايى، مال — مۈلكى بار خا ئەر، خا ئايال بولسۇن بويتاق ھالدا ئائىلىنى مەۋجۇت قىلالمايدۇ. بەختلىكمۇ بولالمايدۇ. قورۇ — جايى، مال — مۈلكى بولمىغان تەقدىردىمۇ، نىكاھلىنىپ ئۆمۈرلۈك ھەمراھقا ئىگە بولىدىكەن، ئائىلە مەۋجۇت بولىدۇ. قورۇ — جايىمۇ، مال — مۈلۈكمۇ بارا — بارا ئىگە بولىدۇ. كۆتكەن بەختىگە ئېرىشىدۇ، بالام. سىلىنىڭ ئېغىر جۇدالىق ھەسرىتىگە بەرداشلىق بېرىپ، نىكاھلىق بولۇپ يېڭى ئائىلە بەختىگە ئېرىشكەنلىكلىرى پېقىرگە ئۈمىد بەخش ئەتكەنىدى. ئاخىر بەختىمگە يەتتىم. ئاتىلىرىنىڭ نىكاھلىق بولغىنىدىن خوشالمۇ سىلى؟ بۇنى سورىمىسام بولاتتى. لەۋزىلىرىدىن رازى ۋە خوشال بولغانلىرىنى بىلگەن بولساممۇ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ… بۇ مېنىڭ بىلىمسىزلىكىمدىن بولۇۋاتسا كېرەك.
دىلداربىكەنىڭ قارا كۆزلىرىدىن تامچىلىغان ياش بۇۋىئايىشەنىڭ ئېتەكلىرىگە تامدى. بۇ خوشاللىق چاچقۇسى ئىدى.
— ئونداق ئەمەس، ئابا. سىلى ئىشەنسىلە. پېقىرە ئاتامنىڭ نىكاھلىق بولغىنىدىن ھەقىقەتەن خوشال. بۇنىڭغا ئىشىنسىلە، — دېدى بۇۋىئايىشە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياغلىق تۇتۇپ.
— ئابا ئابا! قاراڭلار، ئاۋۇ ساراڭ خوتۇنغا. ئۇ قەپەسكە سولاقلىق ئىكەن، قاراڭلار، — دەپ ئۇلارنىڭ بېرىشىنى ئۈزۈپ قويدى جانىپىدا غوجام.
دىلداربېكە بىلەن بۇۋىئايىشە تەڭلا قاراپ، توخۇ كاتىكىگە ئوخشىتىپ، يۇلغۇن ياغىچىدىن ياسالغان قەپەستە سالپىيىپ ئولتۇرغان قۇماربېكەنى كۆردى. قەپەس ئىككى ئېشەك قېتىلغان پەس چاقلىق ھارۋا ئۈستىگە ئورنىتىلغانىدى.
يولنىڭ ئىككى قاسىنىدا تۇرغان ئاۋام:
— قاتىل! قاتىل ئالۋاستى! ئابىنچۇ ئالۋاستىغا لەنەت! ئابىنچۇ ئالۋاستىنى چالما كېسەك قىلايلى! — دەپ چۇقان كۆتۈردى.
— خانىش قىلىپخان بۇ كۈنلەرنى كۆرۈلگەن بولسا كاشكى، — پىچىرلىدى بۇۋىئايىشە چېھرىدىكى خۇشاللىقنىڭ ئورنىنى ھەسرەت نادامەت ئېلىپ.
— ئۇنىڭ روھى كۆرۈۋاتىدۇ، قىزىم. قارىسىلا ياۋۇز ئالۋاستىنىڭ ئەپت بەشىرىسىگە. جاھاندا ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدىغان ئابىنچۇ خوتۇن قانداق كۈنگە قالغان ھە! ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن. قويۇۋېتىپ بىر تارتىدۇ دە، مەن مەن دېگەن كۆرەڭ زالىملارنى ئەنە شۇنداق بىچارە قىلىپ قويىدۇ، — دېدى دىلداربېكە.
چاچلىرى چۆۋۈلۈپ چىگىچلىنىپ كەتكەن، يوغاندىن يوغاندىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، ئۇچۇشقان يۈزلىنىپ كەتكەن، يۈزىگە يۈزلەنگەن شامدەك پىلدىراپ قالغان، ئۈستىبېشى چاڭ توپا باسقان، رومالسىز بەتبەشىرە قۇماربېكە كىيىۋالغان قاما جۇۋىسى بىلەن غالجىر ئىتقا ئوخشاپ قالغانىدى. قولىدا قىسماق بولغاچقا سولغۇن چېھرىنى توسۇۋالالمىغانىدى.
— تۈپۈ ئېپلاس! — دېگەن غەزەپلىك سادانى ئاڭلىغان قۇماربېكە ئۆزىگە لەنەت بىلەن تىكىلگەن دىلداربېكەنى كۆردى. قارا كۆزلىرىدىن نەپرەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرغان
بۇۋىئايشەنمۇ تونۇدى. ئۇ پاخپىيىپ كەتكەن بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى. نومۇس، غەزەپ - ئاھانەتتىن شۇنداق قىلدىمۇ ياكى كۆزۈم كۆرمىسۇن، دېدىمۇ، بۇ تەڭرىگە مەلۇمىدۇق ئىدى.
قوزا چۈش ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن توغرۇل قاراخاننىڭ سىپاھىلىرى گۇگۇم چۈشكەندە شەھەرگە كىرىپ بولدى. تاماقتانغاندىن كېيىن ھەرقايسى لەشكەرى تۇرالغۇغا ماڭدۇرۇلدى.
بوزاچى، مۆڭگۈز، قۇمارۋازبەك قاتارلىق قارا كۆڭۈل سويمىچى ئاسىيلار تاكى زىندانغا يالاپ ئېلىپ بېرىلغانغا قەدەر، ئاۋام خەلقنىڭ غەزەپ - نەپرىتىگە ئۇچرىدى. قاراڭغۇ زەي چاھقا تاشلانغاندىن كېيىن بولسا، ئەلەم، نادامەت خەنجىرى يۈرەكلىرىنى تىلىشقا باشلىدى…
يىگىرمە ئىككىنچى باب: تۇغرۇل قاراخاننىڭ تەختكە چىقىشى
1
قۇياش تېخى پاتمىغانىدى. ياقۇت نۇرلىرى بەگىيۈسۈپ ھويلىسىدىكى ئايبۇلاقنى ھال رەڭگە كىرگۈزگەنىدى. بۇۋىئايىشە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى بۇ قورۇغا چۈشۈرگەن دىلداربەكە مۇشۇ تاپتا ناھايىتى خۇشال ئىدى. ئۇ ئەزىز مېھمانلىرىغا ھاردۇق ئېشى بېرىپ، نۇسرەت بىلەن قايتىپ كەلگىنى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇبارەكلەيدى.
بۇۋىئايىشە شام نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەرزان ساداسىنى ئاڭلىدى. ھەممەيلەن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدى. ئاتىسىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ھويلىغا چىققان بۇۋىئايىشە ئايبۇلاققا كۆز سېلىپ يېڭى ئاينىڭ شولىسىنى كۆردى. ئۇنىڭ تۇنجى نىكاھى ئوقۇلغان ئاشۇ گۈزەل ئاخشارىمۇ يېڭى چىققان ئاي كۈمۈش ئورغاقىدەك كۆرۈنۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي قالغانىدى…
«بۇ قورۇ دىلدار ئاتامنىڭ شاراپىتىدىن قايتىدىن ئاۋات بولىدىغان بولدى. مېنىڭ يەنە ئانام بار بولدى…» ئۇ ئويلاپ تۆت ئەتراپىغا سەپ سالدى. قورۇنىڭ ھەممە يېرىگە — پېشايۋان توغرۇقلىرى، دەرىزە تەكچىلىرى، تاملار، دەھلىز — دەرىخلىرىگە ئورنىتىلغان شامدان، قەندىللەردىكى شام — چىراغلار ياندۇرۇپ قويۇلغانىدى. ھەممە ياق كۈندۈزدىكىدەك يورۇق، شۇنچە پاكىز ئىدى.
دىلداربەكە ھەمشىرە — ئەلچىلەرنى خانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ:
— ئارام ئېلىۋېلىسلا، بالام، — دەپ بۇۋىئايشەنى ئۈچ قات يىپەكەنداز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى. ياستۇق قويۇپ بەردى. ئۆزى خىزمەتكارلىرى بىلەن ئاشخانىدا ھاردۇق ئېشى ئېتىشكە تۇتۇندى.
بۇۋىئايشە قانداقمۇ ياتسۇن؟ بالىلىرىنى ئىككى بېقىنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، سالامەت دىدار كۆرۈشكەنگە شۈكۈرلەر قىلدى.
— ئاپا، بوۋام نېمىشقا كەلمەيدۇ؟ — سورىدى جانىبىدا غوجام.
— بوۋام نەگە كەتتى، ئاپا؟ — دېدى زۆھرەيدە قىز تاقەتسىزلەنگەن ھالدا.
— بوۋاڭلار ئوردىغا كەتتى. ھېلى كېلىدۇ، — دېدى بۇۋىئايشە جاۋاب بېرىپ، «بۇ بالىلار بوۋىسىغا بەك ئېچىركىشىپ كېتىپتۇ. ھەمىشە كۆرگۈسى كېلىپلا تۇرىدىكەن. خۇدايىم، بەختىمىزگە دادامنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت بەرگىن» دەپ تىلىدى ئۇ.
بەگىيۈسۈپ تۈن تەك بولغاندا كەلدى. ئۆگىزە ئېچىلىپ، ئاشمانتا يېپىلىپ بولغانىدى. ئۇلار سەندەلگە پۇت تىقىپ ئولتۇرۇشۇپ، ئۆتمۈشنى ئەسلىشىۋاتاتتى.
— ئوھۇ! تېخىچە ئۇخلىماپسىلەرغۇ بوتلاقلىرىم؟ يىراقتىن يول ئازابىنى تارتىپ كەلگەن ئاناڭلارنى ئارام ئالغۇزماي، غەلۋە قىلىپ ئولتۇرغانسىلەر نېمىسى، — دېدى ئۇ يۈگۈرۈشۈپ كېلىشكەن نەۋرىلىرىنى زوق ئولتۇرغىنىچە باغرىغا بېسىپ.
بۇۋىئايشە بىلەن تەڭلا ئورنىدىن تۇرغان دىلداربەكە ئۇنىڭ تونىنى سالدۇرۇپ، ئاسقۇچقا ئاستى. بەگىيۈسۈپ سەندەلگە پۇتنى تىقىپ ئولتۇردى.
— بوۋاڭلارنى ئارامغا قويۇپ، تۇرۇڭلار ئوماقلىرىم.
① سەندەل — ياغاچتىن ئورۇندۇقسىمان تۆت چاسا ياسالغان ئىسسىنىش ئوچىقى. ئۈستىگە يوتقان يېپىلىدۇ. ئىچىگە يالقۇنجاپ تۇرغان چوغ سېلىنىدۇ.
سىلەرنى ياتقۇزۇپ قوياي، دېدى دىلداربەكە بالىلارنى ئونىڭدىن ئاجرىتىپ. جانىبدا غوجام بىلەن زۇبەيدە ئۇستائەتەمەنلىك بىلەن ئۆز ھۇجرىلىرىغا كىرىپ كەتتى. ئاتا، ئەجەب ۋاقىتچە قالدىلىغۇ؟ تازا چارچىغانلا ھە؟! بۈبۈئايىشە بەگىيۈسۈپنىڭ بېقىنىغا تەككىيە، ياستۇق يۆلەپ قويدى. ئانچە چارچىمىدىم، بالام. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئالىيلىرى، توغرۇل قاراخان، بايبەگ ئىنال تېگىن، ئالىپ ئېلىزادەبەلەر شەرىپىگە كاتتا بەگ تەرەكسى ئۆتكۈزدى. ئۇزاقتىن بېرى، تەشۋىش، ئەندىشە بىلەن جىمىپ قالغان ئوردا ئىچى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇرۇنراق قايتىشنى ئويلىشقان بولساقمۇ، بەگ مەجلىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىش ماڭا تاپشۇرۇلغان بولغاچقا، كېچىكىپ قالدىم، بالام. سىلەرنى ئارام ئالغۇزماي يولغا قارىتىپ قويۇپتىمەن. بەگ تەرەكسىدە نېمە گەپلەر بولدى، بېگىم؟ ئىشىكتىن ئونىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كىرگەن دىلداربەكە سورىدى، بۈبۈئايىشەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ. مەرھۇم بۇغرا قاراخانلار ياد ئېتىلدى، بارسغاندا بولغان جەڭ، قۇماربەكە، بوزاغۇللارنىڭ قولغا قانداق چۈشكەنلىكى توغرۇلۇقمۇ كۆپ گەپ بولۇندى خانىبكە، بەگىيۈسۈپ جاۋاب بەرگەچ ئىسسىپ كەتكەن پۇتىنى سەندەلدىن چىقىرىپ مەسسىنى سالدى، سەندەل قىش كۈنلىرىدە جاننىڭ راھىتى دە، بەكەرەك ئىسسىپ كېتىپتۇ. بۈبۈئايىشە ئۇلارنىڭ «بېگىم، خانىبكە» دېگەن سۆزلىرىگە دىققەت قىلدى. ئانىسى ھايات ۋاقتىدا «بېگىم، خانىبكە» دېيىشىپ بىر بىرىنى ھۆرمەت بىلەن قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئەسلەپ كۆڭلى بۇزۇلدى: «ئاتام دىلداربەكەنى ھەقىقەتەن ئاپام ئورنىدا كۆرىدىكەن، سۆيىدىكەن. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى
ئىشتىپ، خۇددى ئانام تىرىلىپ كەلگەندەك كۆڭلۈم يايراپ قالدى…»
— ئۇ قانخور ئاسسىلار قانداق تۇتۇلۇپتۇ بېگىم؟ — دىلداربىكە بەگىيۈسۈپكە چاي سۇنۇپ سورىدى.
— يارىلىنىپ قاچقان بوزاغۇ، مۇغسۇلەرنى ئالىپ ئېلىزادەگ ھەم ئالىپ بۆرىبەگلەر جەڭگاھتا ئەسىر ئاپتۇ. قىزىم بۇۋىئايىشەنىڭ ئۆزى بېسىپ قوغلاپ ئابىنچۇ خاتۇننى تۇتۇۋالغىنى بايبەگ ئىقبال تەگكەندىن ئاڭلىدىم. ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن. مېنىڭمۇ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغۇم بار، خانبىكە، — بەگىيۈسۈپ، يېشىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن كۆزلىرىنى قولى بىلەن توسۇۋالغان قىزىغا باقتى. كىيىملىرىنى يۆتكەپ نازاكەتلىك چوكانغا ئايلانغان بۇۋىئايىشە مۆھلۈق يۈزىگە كۆلكە يۈگۈرتۈپ قوللىرىنى تىزىغا قويدى.
— سۆزلىگۈدەك ئالاھىدە ۋەقەمۇ بولمىدى، ئابالىرىم، — دېدى ئۇ گەپ باشلاپ، — توغرۇل قاراخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئەمىرى بىلەن سىپاھلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىبراھىم بۇغراخاننىڭ بارگاھىغا باستۇرۇپ كىرگەندە، قۇماربىكە ئوغلى بىلەن قېچىپ كەتكەن ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ قويۇق چىچىم تەك بولدى. «ئۇنى تۇتمىسام ئوردۇكەنتكە قايتمايمەن» دەپ قەسەم ئىچتىم. خوتۇن — قىزلاردىن تەشكىللەنگەن سىپاھ ۋە ھەمشىرە ئەترەتلىرىنى باشلاپ ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاتلاندىم. بايبەگ ئىقبال تەگكەن ئىبراھىم بۇغراخاننى تۇتۇش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئەسىر چۆشكەنلەردىن، يولدا ئۇچرىغان تارىقچى، لاتاپورۇشلاردىن سوراپ ئىز — دېرىكىنى قىلىپ ماڭدىم. يولدا قانىسراپ ياتقان بىر تۇلۇملۇق ئايال ئۇچرىدى. دۆبۇلغا — ساۋۇتى قانغا بويلىپ كەتكەنىدى. ئاتتىن چۈشتۇق. ئۇ ئايالغا سۇ ئىچۈرۈپ يارىلىرىنى دورىلاپ تاڭدىم. ھوشىغا كېلىپ بىزگە تەلمۈرۈپ ئۇزاق قارىدى. قۇماربىكەنىڭ قايسى تەرەپكە كەتكىنىنى سورىدىم. ئۇ بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ: «مەن ئۇنىڭ كېنىزىكى گۈلەم بولىمەن. يارىلىنىپ يېتىپ
قالسام، كارى بولماي، بەدەلقارت داۋىنى تەرەپكە كەتتى» دېدى. ئۇنى خارۇنغا سېلىپ جىددىيلەپ ماڭدۇق. يولدا ئۇچرىغان يىلقىچى، تارىخچىلارمۇ بىر توپ تۇلۇملۇق كىشىلەرنىڭ مەشرىق تەرەپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. بىز تېخىمۇ تېز يۈرۈپ بەدەلقارت داۋىنى باغرىدا ئۇلارغا يېتىشۋالدۇق. جەڭ شىددەتلىك بولدى. ئۇنىڭ كېنىزەك - غۇلاملىرى بىر - بىرلەپ ئەسىر چۈشتى. ئۇ ئورمان ئىچىگە قاراپ قاچتى. قوغلاب يۈرۈپ سالما تاشلاپ ئاتتىن يىقىتتىم. «مېنى ئۆلتۈرۈۋەت!» دەپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى. باغلاپ ئېلىپ مېڭىشقا بۇيرۇدۇم. يۈزلەنگەن، مىجىلغان ئادەملەرنى زىنداندا ئازابلىغان، ئۆلتۈرگەن بۇ جاللات ئابىنچۇ خاتۇننى جەبىر - زۇلۇمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز جىسمى بىلەن تېتىسۇن، بىلسۇن دەپ قەپەسكە سولاپ ئوردو كەنتكە ئېلىپ كەلدۇق. گۇناھىنى توۋا قىلىش ئوياقتا تۇرسۇن، يول بويى قەبىھ قىلمىشىنى ئاقلاپ، بىزنى تىللاپ، قارغاپ كەلدى، ئابا. شۈكۈركى، بۇنداق قارا نىيەت ئاسىيلارنى تەڭرى مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدىكەن. كۆرەڭلەپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇپ، ئاندىن يەر بىلەن يەكسان قىلىدىكەن.
بۇغۇئايشە قۇماربىكەنى قانداق تۇتقانلىقىنى كەمبەللىك بىلەن ئاددىيلا قىلىپ ئېيتىپ بەردى.
— بارىكاللا قىزىم، سىلى بىلەن بارمىغىنىم ئۈچۈن شۇ تاپتا پۇشايمان قىلىپ قالدىم. پېقىرنىڭمۇ جەڭگە بىر قاتناشقۇم بار ئىدى، خەيرىيەت، — دىلداربىكە مېھرىلىك نەزىرىنى سېلىپ ئۇنىڭ قوندۇزدەك چاچلىرىنى سىلىدى.
— سىلى ئابا، ھەمىشە جەڭگاھتىغۇ. كۈندە نەچچە ئونلىغان بىمارلارنى داۋالاپ، ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىلا. سىلىگە بەك زوقلىنىمەن. سىلىدەك بولالىغان بولسام ئارزۇيۇمغا يەتكەن بولاتتىم.
— بولالايلى، خان قىزىم. خانبىكە سىلىگە ياردەم قىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز يالماۋۇزنى تۇتۇپ كەپلىغۇ، — دېدى
بەگىيۈسۈپ. — ھەي تاتلىق، كېسەل داۋالاش ئانداق ئاسان ئەمەس، ئاتا. ئابامنىڭ ئۆمۈرلۈك شاگىرتى بولسام دەيمەن، — بۇۋىئايىشە ئىككى قولى بىلەن دىلداربىكەنىڭ مۈرىسىنى تۇتتى، — ئابا، سىلى بىلەن كېسەل داۋالىساملا بولدى. — بالام، سىلى ئائىلىرى بىلەن ئەمەس، ئوردا شىپاخانىسىدا، ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلىرى بىلەن كېسەل داۋالايدىغاندەك تۇرىلا. ھەربىيلىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان ماڭا بىر قانچە قېتىم بۇنى پۇرتىپ ئۆتكەنىدى. «قىزىم كەلگەندە بىر گەپ بولار» دەپ ماقۇللۇق بەرمىگەندىم. ئويلاپ قارىسام، ئۆيلىرى ئوردا ئىچىدە بولغاندىكىن، ئوردا شىپاخانىسىدا ئىشلىگەنلىرى تۈزۈكرەك قىلىدۇ. — مېنىڭ سەۋىيەم تېخى تۆۋەن، ئاتا. داۋالاش جەھەتتىكى ئىقتىدارىم دېگەندەك ئەمەس. ھۆددىسىدىن چىقالماسمەنمىكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوردا شىپاخانىسىدا ئىشلىگۈم يوق. ئابامنىڭ يېنىدا ئىشلىگۈم بار. — بۇۋىئايىشە قىزىم، ماقۇل بولسىلا. بېگىمنىڭ دېگىنى خوش خەۋەر ئىكەن. ئوردا شىپاخانىسىدا كېسەل داۋالاشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئاتىلىرىنى سېغىنغانلىرىدا يېنىمغا كېلىپ تۇرسىلا بولدى… دىلداربىكەنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا بەگىيۈسۈپ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. — گەپ بىلەن بولۇپ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان، خانىبىكە. قىزىم نەچچە ئاي جەڭگاھتا، سەپەردە بولۇپ، ئاران قايتىپ كەلگەندە، ئۆز ئۆيىدە بولۇشى زۆرۈر ئىدى. بىز قوندۇرۇۋالساق ياخشى بولمايدۇ، ھازىرلا ئاپىرىپ قويايلى، — دېدى ئۇ. دىلداربىكە زوۋان سۈرمەي بۇۋىئايىشەگە قارىدى.
— ئاتا، بۇ كېچە يېنىڭلاردا قونۇپ قالغۇم بار. — بولمايدۇ قىزىم، بولمايدۇ. بۇ ئادەت — يوسۇنىمىزغا خىلاپ. قوپسىلا، خىزمەتكارلار تاپشۇرۇپ قويدۇن، — بەگىيۈسۈپ ئىشىكتىن باش چىقىرىپ سۇلتانبەگكە، — مەپىگە ئات قوشۇڭلار! — دەپ بۇيرۇدى. — قىزىمنى مەن تاپشۇرۇپ قويۇپ كېلەي بېگىم، — ئورنىدىن تۇرغان دىلداربىكە بۇۋىئايىشەنىڭ قولىنى تارتتى، — قوپسىلا قىزىم، ئاتىلىرىنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق، بۇنى چۈشىنىلا. — شۇنداق كېچىدىمۇ… — بۇۋىئايىشە غودۇڭشۇپ قويدى، — ئەجەبا ھەمشىرىلەرچۇ؟ بالىلىرىمنىمۇ ئېلىپ كېتەمدىمەن؟ — ياق قىزىم. ئۇلار مۇشۇ يەردە قالىدۇ. بالىلارنى ئۆزۈم باقىمەن. بۇنىڭدىن غەم قىلمىسىلا، — دىلداربىكە ئاق پەرىجىنى ئۇنىڭ بېشىغا تارتتى. بەگىيۈسۈپ ئىشىك ئالدىغا ئۆزۈتۈپ چىقتى. — پات — پات كېلىپ تۇرۇسلا، بالام. خۇدايىمغا ئامانەت. — خوش، ئاتا، ئاجىزىلىرىنى دۇئالىرىدا ياد ئېتىپ تۇرۇسلا، — دېدى بۇۋىئايىشە مەپىگە چىقىپ. — مەن تاپشۇرۇپ قويۇپ ھايال بولماي كېلىمەن، — دىلداربىكەمۇ ئۈچ دېدىكى بىلەن مەپىگە چىقتى. بەگىيۈسۈپ تاراغلاپ كېتىۋاتقان مەپىنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى. «بۇۋىئايىشەنىڭ ئۆز ئۆيىگە كەتكىنى ياخشى بولدى. ياخشى خوتۇن ئېرىنىڭ يېنىدا بولىدۇ» دېگەن ئوي كۆڭلىدىن كېچىپ، ياقۇت يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان كۆكمۇكۆك ئاسماننىڭ ئاستىدا ئۇزاق تۇردى…
2
توختىماي ياغقان قار قەشقەر تۇپرىقىنى شېكەر قويغاندەك ئاقارتىۋەتتى. بوراندەك ئۆشقىرتىپ كوچىلارنى كېزگەن سوغۇق
قىزارغان يۈزلەرنى ھەرەدەك چاقاتتى. تۈكۈرۈك يەرگە چۈشكىچە توڭلاپ كېتەتتى. كۆپ يىللاردا چىللە كېچىدە كىرىپ، كۈندۈزى سوغۇق بوشىشىپ قالىدىغان بۇ ئەلۆھەك دىيار بۇ يىل قېرىشقاندەك چىللە كۈندۈزى كىرىپ، قاتتىق سوغۇقتىن شىنىدەك قېتىپ كەتكەنىدى. دەرەخلەرنىڭ جالا باغلاپ مۆزلەنگەن شاخلىرى چارتىلاپ سۇناتتى. تېرەك، سۆگەت ئاچاماقلىرىدا توكلەرنى ھۈرپەيتىپ شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپ مۆزلەپ قالغان قاغا - قۇشقاچلار يەرگە موللاق ئېتىپ چۈشۈپ قارغا كۆمۈلۈپ قالاتتى. كوچىلاردا مۆزلەپ قالغان ئىت - مۈشۈكلەرمۇ ئۇچرايتتى. بىر تىلەمچى تام تۈۋىدە مۆكچىيىپ ئولتۇرغىنىچە توڭلاپ قالغانىدى…
سوغۇق قاتتىق بولغان بىلەن، مۇرۇۋۋەتلىك ئىشلارمۇ مۇشۇ قەھرىتان قىشتا بولدى: ئاۋام ئاممىسى قارا نىيەت سوۋۇقچىلىقنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدى. باج - سېلىق، ئالۋان - ياساقلارنىڭ يېنىكلىتىلگەنلىكى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن چۈشۈرۈلگەن يارلىق، سودىگەر، ھۈنەرۋەن - كاسىپ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ غەم - دەردىنى ئازايتتى. «دىۋانى ھاكىم»، «دىۋانى ئارىزم»، «دىۋانى توغرالار» كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننى قاراخانىيلار ئېلىنىڭ خاقانلىقىغا، ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلانخاننى — ئوردۇكەنت دىيارىنىڭ بۇغراخانلىقىغا تەيىنلەپ قارار چىقاردى ۋە بۇ يىلقى نورۇز بايرىمى كۈنى تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەلگە جاكارلاندى. خاقان بۇغرا قاراخاننىڭ قۇمارۋازلىق، بوزۇقچىلىق، مۆڭگۈز قاتارلىق قانخور ئامىللارنى جازالاش توغرىسىدىكى ھۆكمىمۇ شۇ كۈنى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئەل ئەمىن تاپتى.
ھەممىدىن خاسىيەتلىك بولغىنى دىلداربىكىنىڭ بويىدا قالغىنى ئىدى. بۇ چىللە چىقىپ سوغۇق بوشىغاندا مەلۇم
بولدى. ئۇنىڭ ۋىسال شادلىقىدىن يايىرىغان ۋۇجۇدىدا، ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئۆزگىرىش يۈز بەردى: كۆڭلى ئاينىپ بېشى قايدىغان، تاماق خالىمايدىغان، ئالما - ئامۇتنىلا يېگۈسى كېلىدىغان غەلىتە ھالەت، ئېرىنى كۆرگۈسى كېلىپلا تۇرىدىغان سېھىرلىك تۇيغۇ ئۇنى ھەممىشە بىئارام قىلاتتى. كېسەل كۆرۈشكە، مۆگدەشپ ئولتۇرۇشقا رايى بارمايتتى. كەلگەن بىمارلارنى داۋالاشقا شاگىرت، ئېمچىلەرنى جورەپ، ئۆزى خاس ھۇجرىسىدا بەگىيۈسۈپ يازغان بېيىت - غەزەللەرنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى ۋە ياكى ئۇد، دۇتار چېلىپ مۇھەببەت غەزەللىرىنى ئېيتاتتى. پات - پات دېرىزىدىن ھويلا ئىشىكىگە كۆز سالاتتى. بەزىدە ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇزاققىچە يولغا قارايتتى. «نېمە بولغاندىمەن؟ ھېچقاچان بۇنداق ئىنتىزارلىق تارتمىغانىدىم. يۈرىكىمگە ئوت كەتكەندەك ئىچىم قىزىپ، گەجگەممۇز دەك ئالما - ئامۇتتىن ھەممىشە يېگۈملا كېلىپ تۇرىدۇ. زادى نېمە بولغاندىمەن يا؟…» ئۇ خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئۆيلەپ، بېشىنى سىلكىپ تۇرۇپ كەتتى. كۆڭلى ئېلىشىپ ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقاتتى. تاھارەت ئالىدىغان ئۆرىگە ھۆ قىلاتتى. لېكىن، ھېچنېمە يانماي بىئارام بولاتتى.
قۇرۇق ھۆ - بالا ھۆ. پۈتۈن بەدەن ھالسىراپ يۈرەك بوغۇزغا تىقىلىپ قالىدۇ. كۆزدىن ياش ئاقىدۇ. بۇ نېمىنىڭ ئالامىتى؟
نۇرغۇن خاتۇنلارغا تۇغۇت ئانىسى بولغان دىلداربىكە ئۇنداق ھالەتنىڭ - بويىدا قالغانلىق ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. لېكىن، بىلىپ تۇرۇپ تەن ئالغۇسى كەلمەيتتى. «قىرىق ياشلارغا بېرىپ قالغان تۇرسام، بويۇمدا قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. راستىن شۇنداق بولسا كىشىلەر نېمىدەپ قالار، بەگىيۈسۈپ نېمە دەر؟…» دەپ نومۇسلىناتتى. يېقىنلىرىغا دېيىشتىنمۇ ئۆيلىناتتى.
ئۇنىڭدىكى غەلىتىلىكنى سەزگەن بەگىيۈسۈپ سورىماي تۇرالمىدى.
— خانىبىكە نېمە بولدىلا؟ ياداپ كېتىۋاتىلىغۇ. نېمىشقا تاماق
يېمەيلا؟ نېمىشقا يولۇمغا قاراپلا ئولتۇرىلا، يا مېنى كۆنلەۋاتامدىلا؟ دەپ سورىدى بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئوردىدىن كەلگەندە، ئۆزىگە ئاشىقانى تېلمۈرۈپ چاي سۇنغان دىلداربېكەدىن.
بىلمىدىم، نېمىشقىدۇر سىلىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك، سىلى مېنى تاشلاپ يىراق بىر يەرگە كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، ئۆزۈمنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدىم. سىلى ئۆيدىن شۇنداق چىقىپ كەتسەلا، يۈرىكىم سۇغۇرۇلۇپ كەتكەندەك بولۇپ، تۇرالماي قالىمەن. ۋۇجۇدۇم ئۆرتىنىدۇ. بولدى دېمەيلا قوياي، دېدى ياق، «بويۇمدا قالغان ئوخشايدۇ» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرالمىدى.
ياق خانىكە، بۇنىڭدا باشقا سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. سىلى ئاتاساغۇنغۇ. مەن ئەمدى ئوردىدىن ئايرىلمايمەن، خاتىرجەم بولسىلا.
سىلى باشقا يەرگە كەتمىلا، بۇ راستمو بەگىم؟ ماڭا ئۆدە بەرمىگۈچە، بۇ سۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيمەن، دەپ تۇرۇۋالدى دىلداربېكە.
سىلى مۆشۈ گەپلىرى بىلەن بۈگۈ بىلگە ئەمەس، ئاددىي تارىقچى مەزلۇمغا ئوخشاپ قالدىلا، خانىكە، بەگىيۈسۈپ دىلداربېكەنىڭ قولىدىن تارتىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، مەن ئۆدە بېرەي: باشقا يەرگە كەتمەيمەن. ئەگەر كەتمەكچى بولسام سىلىنى بىللە ئېلىپ كېتىمەن.
دىلداربېكە بەگىيۈسۈپنىڭ كۆكرىكىگە بېشىنى قويدى.
راست دېدىلا، بەگىم. مۇھەببەت بۈگۈ بىلگە خاتۇن بىلەن تارىقچى خاتۇننى بەزى چاغدا ئوخشاش تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن.
بۇ كېچە تېخىمۇ شېرىن ئۆتتى.
قىشمۇ چىقىپ كەتتى. غۇر غۇر كۆكلىم شامىلى يەرگە سۈپۈرگە سالدى. قار مۇز ئېرىپ دەل دەرەخ كۆكىرىشكە
721
يۈزلەندى. ئۇچۇرلاپ قارلىغاچ كەلدى، ئايۋاننىڭ بالىشقىغا ئۇۋا ياسىدى. ھۆت چىقىپ جۈتمۇ تۈگىدى. كۆك چۆچۈرۈسگە ئېغىز تەگكەن دىلداربىكەنىڭ قورسقى تەۋرىدى. ئىككى تامچىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئاپىرىدە بولغان جان ئۆزىنىڭ پات ئارىدا دۇنياغا كۆز ئاچىدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەردى. دىلداربىكە يېۋاتقان چۆچۈرىنى قويۇپ يان ئۆيگە چىقىپ كەتتى. ئىشتىھا بىلەن چۆچۈرە يېۋاتقان بەگىيۈسۈپ خوتۇنىغا نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي كەينىدىن چىقتى. دىلداربىكە قورسقىنى سىلاپ يىغلاۋاتاتتى. — نېمە بولدىلا، خانىبىكە؟ — ئۇنىڭ قارشىسىدا ئولتۇرۇپ سورىدى. — ھېچنېمە، — دىلداربىكەنىڭ چېھرىدە كۆكلىم قۇياشى پەيدا بولۇپ، ياش تامچىلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتى. ئەمما، قورساقتىكى بالىنىڭ تۇت ئايلىق بولغىنىنى ئېيتىشتىن ئەيمىنىپ ئېغىز ئاچمىدى. — ئەمسە نېمىشقا يىغلايدىلا؟ — سىلى بىلەن كۆك چۆچۈرىسى يېيىشكە نېسىپ بولغىنىدىن سۆيۈنۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. باشقا گەپ يوق، ئېرىم… — شۇنداق بولغاي، ئىلاھىم، — بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ ئەنبەر پۇراپ تۇرغان قارا چاچلىرىنى سىلىدى، — خانىبىكە، بالىلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟ — ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىغا كېتىشتى. — ھە، شاگىرت، ئەپچىلەرمۇ كەتتىمۇ؟ — كەتتى. بېگىم ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق، شام بولۇپ قاپتۇ، نامازنى ئۆتۈۋالايلى. دىلداربىكە جاينامازنى سالدى. ئىككىيلەن شام، خۇپتەن نامىزىنىمۇ بىللە ئوقۇدى. — مېنىڭ بورۇنراق ياتقۇم كېلىۋاتىدۇ، خانىبىكە، ئورۇن سالغان بولسىلا.
— ماقۇل بېگىم، — دىلداربىكە خاس ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى.
بەگىيۈسۈپ ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقىپ ھۇجرىغا ئاياغ باسقاندا، دىلداربىكە يېتىپ بولغانىدى. «ئىش قىلىشلىرى، ناز - كەرەشمىسى ئاقبىراغا شۇنچە ئوخشايدۇ. ئۇنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن تەڭرىم ئۆزۈڭگە مىڭ شۈكۈر» دەپ چىراغنى ئۆچۈردى. كىيىمىنى سېلىپ، ئىپارنىڭ بويى كېلىپ تۇرغان يوتقانغا كىردى. دىلداربىكەنى ئۆزىگە تارتىپ قۇچاقلىدى. سېھىرلىك ھارارەت تېنىگە تارىدى. «ئەجەبا، نېمىدۇر ئۇ قىمىرلاۋاتقان؟…» بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ قورسىقىنى سىلىدى. پۇلتۇپ چىققان يەرنى تۇتۇپ قولىنى ئىتتىك تارتىۋالدى. «راستلا قىمىرلاۋاتىدۇغۇ…». ئۇ بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ سۆيۈندى.
— خانىبىكە، خانىبىكە. بۇ قىمىرلاۋاتقان نېمە؟ — ئۇ خوتۇننىڭ قولىنى ھېلىقى يەرگە قويدى، — بىلدىڭمۇ؟
ئەمدى ئېيتىمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن دىلداربىكە:
— بېگىم، بۇ قىمىرلاۋاتقان سىلىنىڭ بالىلىرى، — دەپ پىچىرلىدى. بەگىيۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى.
— نېمىشقا بۇ خوش خەۋەرنى ماڭا بالدۇرراق دېمىدىلە خانىبىكە؟
— قانداق دەيمەن؟ شۇنچە ياشقا كىرگەندە بويۇمدا قېلىشنى زادى ئويلىمىغان تۇرسام.
— ماڭا بالا تۇغۇپ بېرىش ئارزۇلىرى يوقمىدى، خانىبىكەم؟
— بار ئىدى، بېگىم، يىگىرمە يىلنى شۇ ئارزۇ بىلەن ئۆتكۈزگەندىم. توي قىلغاندىن كېيىن، نېمىشقىدۇر خىجىللىق تارتىدىغان بولۇپ قالدىم. قورسىقىممۇ بۈگۈن تەۋرىنىشكە باشلىدى.
— رەھمەت خانىبىكەم. مېنى غايەت خوشال قىلىۋەتتىلە.
بەگىيۈسۈپ ئۇنى باغرىغا باستى.
— ئاستا، بالىغا زەخمەت يېتىپ قالمىسۇن، ئاۋايلىسلا. — ماقۇل خانبىكەم، ماقۇل. مېنى بېگىم دېمەي ئېرىم ئاتىسى دەپ چاقىرسىلا، بولامدۇ؟ — بولىدۇ… بولىدۇ ئاتىسى. مېنىمۇ بىكە دەپ كۆككە كۆتۈرمەي ئانىسى، دەپ قەدىرلىشىكە سىلىمۇ ماقۇل بولسىلا ئاتىسى. — ماقۇل ئانىسى، ماقۇل. — نورۇز بايرىمى كۈنى تاج كىيىش مەرىكىسىگە مېنىمۇ ئېلىپ چىققان بولسىلا. بەكمۇ كۆرگۈم بار، ئاتىسى، — دىلداربىكە ئونىڭ قورقۇما ساقلىنى سىلىدى. — ئېلىپ چىقىمەن، نېمىشقا ئېلىپ چىقماي، قىزىم سىلىگە ھەمراھ بولىدۇ. ئەتە بېرىپ قىزىمغا تاپىلاپ قويىمەن. — ئاھ، بەگىيۈسۈپ !… — ئاشۇ قىز ۋاقتىدا چاقىرغادەك نىدا قىلدى…
قىز نىكاھى ئوقۇلغان ئاشۇ كېچىدىمۇ شۇنداق نىدا قىلغانىدى. يەڭگىلەر ئىچ كىيىمى بىلەنلا ياتقۇزۇپ قويغان دىلداربىكە بەگىيۈسۈپ تۆشەككە كىرگەندە، تويى بولغان ھەممە قىزلاردەك ئەزا — نومۇستىن شامال سوققان يوپراقتەك تىترەيدى. دەسلەپ چوغدەك قىزارغان مەڭزىگە يىرىك ساقال سانجىلىپ، ئاندىن ئۆرتىلىپ كېتىۋاتقان كۆكسىگە گۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان يۈرەك تەگدى. ئاجايىپ بىر ئىسسىقلىق پۈتۈن تېنىگە تاراپ، ھوزۇردىن مەست بولۇپ ئۇيقۇغا كەتتى. ھېچقاچان ئونىڭغا ھايات بۇ كېچىدىكىدەك شېرىن تۇيۇلمىغانىدى. ئۆلارنى سەھەردە ئۆچۈرلەپ سايرىغان قارلىغاچ ئويغاتقاندەك ئىدى…
قانچە — قانچە كېچىلەر ئەنە شۇنداق ئۆتتى. خانبىكە ئېغىر ئاياغ بولدى… بۇ ئارزۇ قىلىپ ئاغزىدىن چىقىرالمىغان سىر بەگىيۈسۈپكە ئاخىر مەلۇم بولدى. بۇ كېچىمۇ سۆيگۈ يەنە گۈل ئاچقان كېچە بولدى.
3
تەڭرىنىڭ يەنە بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىنىدىن تېخىمۇ روھلىنىپ ئورداغا بارغان بەگىيۈسۈپ بۈگۈن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئەتىگەندىلا تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بېنائەن كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرگۈچى چاپارمان كەلگەچكە، بەگىيۈسۈپ ئوردا ئەمەلدارلىرى، خانىش، مەلىكە، شاھزادە، جاندارلار، تۇغچىلار، شادىيانچىلار، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ۋە پايتەخت ئاھالىسى بىلەن بىللە قارشى ئېلىشقا چىقتى.
ھەپتە ئىلگىرى ئاتۇش مەشھىدىگە كېلىپ، ئۇلۇغ بوۋىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىدە قۇرئان تىلاۋەت، خەير-ساخاۋەت قىلغان ئىبراھىم بۆرە تېكىن بۈگۈن كۈن قىيام بولغاندا، مورتۇم كەنتىدە ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۈستىگە يولۋاس تېرىسى سېلىنىپ ئالتۇن تۈش ئورنىتىلغان كەرەندانغا مىنگەنەتتى. بېشىدا ئالتۇن تاج، ئۇچىسىدا كۈمۈش ساۋۇت ئۈستىدىن كىيگەن شاھانە تون بار ئىدى. ئاقىرىشقا باشلىغان ساقىلى كۆكسىدە يەلپۈنۈپ تۇراتتى. ئالدىدا توققۇز تۇغنى كۆتۈرگەن سەرۋازلار، شادىيانچىلار، ئارقىسىدا ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، ۋەزىر-ۋۇزۇرالار، جاندارلار، ياساۋۇل، سىپاھلار سەپ تۈزگەنىدى. قىزىل پايانداز ئۈستىگە چۈشكەن بۆرە تېكىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ قىلىچلىرىنى ئالماشتۇرۇشتى. ئوردا ئەربابلىرىدىن ئايرىم-ئايرىم ھال سورىدى.
ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئائىلە تاۋابىئاتىنى تولۇق ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار شاھانە ھارۋىدىن چۈشۈپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ خانىش، مەلىكە، شاھزادىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
725
بەگىسۇپ ئىبراھىم بۆرە تېگىنگە ۋە ئۇنىڭ باش ۋەزىرى تاجمۇلمۈلك، سەلجۇقىيلار مەملىكىتىنىڭ شاھىنشاھى سۇلتان جەئپەر بەگنىڭ باش ۋەزىرى ھەمدۇلمۈلك قاتارلىق نامى چىققان كاتتا ئەربابلارغا ئالتۇن - كۈمۈش جاملار بىلەن ئانار شەربىتى، ئالتۇن لېگەنلەردە قەشقەرنىڭ شىرمەننىنى تۇتتى. ئۇلار بىر بۆردىدىن ناننى ئاغزىغا سېلىشىپ، شەربەتنى ئىچىشتى. دەبدەبە بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىرىغا رەھمەت ئېيتىشتى.
سالام - سەھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان تامغاچ بۇغراخاننى بۇغرا تۆگىگە مىنىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇ ۋەزىرى تاجمۇلمۈلك بىلەن كۆز سوقۇشتۇرۇۋېلىپ:
— خان ئىنىم، ئوردۇكەنتكە كېرىداننى مىنىپ كىرىپ، ئاستانە ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغۇم بار، مېنى ئۆز مەيلىمگە قويۇڭ، — دېدى.
ئۇ مانتا كۆكسىدەك بۇرنىنىڭ ئۈستىدە بۇغرا كانايدەك مۆڭگۈزى بار، يايپاق قۇلاق، چارا كۆز، بەھەيۋەت ھايۋانغا كۈمۈش ئۈزەڭگىگە دەسسەپ مىندى.
ناغرا - سۇناي، بۇغرا كانايلار ياڭرىدى. توغرۇل قاراخان قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى زەپەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇنى كۈتۈۋېلىپ، ئوردا باشلاپ كىردى. تامغاچ بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى ھەرەمدىكى مەخسۇس سەرەمجانلاشتۇرۇلغان قەسىرگە چۈشۈردى. بىللە كەلگەن سىپاھ، جاندارلارنى جانقورغان تۇراسىغا، دۆلەت ئەربابلىرىنى ئوردا تېكىخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى.
قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ۋىلايەتلىرىنىڭ ئېلىكخان، يابغۇلىرى نەچچە كۈندىن بېرى ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتاتتى. تۈنۈگۈن سىڭلاق دىيارىنىڭ ئېلىكخانى ۋە قۇمۇل، ئىدىقۇت دىيارىنىڭ ئارسلانخان ئۇنۋانلىق ئېلىكخانلىرى كەلگەنىدى. بۈگۈن تامغاچ بۇغراخاندىن كېيىن سوياپ، بارسغان،
تالاس، ئالتاي دىيارلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى كەلدى.
بەگىيۈسۈپ ھۆكۈم تىكلەشكەندە، سۇلتانبەگ بىلەن ئوردىدىن چىقتى. كېچە غۇر - غۇر شاماللىق بولسىمۇ ئاپپاق ئايدىڭ ئىدى. خىيال بىلەن ئۆيگە كېلىپ قالغىنىنى بەگىيۈسۈپ بىلمەيلا قالدى.
— چارچاپ كېتىپسىز — ھە، ئاتىسى، — دىلداربىكە ئېرىنىڭ تونىنى سالدۇرۇپ، سەللىسىنى بېشىدىن ئالدى. قولىغا سۇ قويۇپ بېرىپ، خاس ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىردى. بەگىيۈسۈپ ئۆزىنى سېلىقلىق ئورۇنغا تاشلىدى.
— چارچىدىم، ناھايىتى چارچىدىم. بۈگۈن كەلگەنلەر كۆپ بولدى. تامغاچ بۇغراخان باشلىق بۇ مېھمانلارنى توغرۇل قاراخان بەگ تەرەپتىن ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى. زىياپەت ئادەمنى تېخىمۇ چارچىتىۋېتىدىكەن، خانىكەم.
— سىلى گەپنى قىلىپ بەرگەن بۆرە تېگىنمۇ كېتىپتۇ — دە! ھەي ئېسىت! مەنمۇ چىقسام بوپتىكەن. بىر كۆرگۈم بار ئىدى.
— قىزىم خانىش بىلەن بىللە چىقىپتىكەن، كۆردى. سىلى كېسەل داۋالىمىسام بولمايدۇ، دەپ قالغانىدىلە. كېسەل كۆپ كەلدىمۇ؟
— ھەئە. پەسىل ئالماشقانلىقتىنمۇ، جائىداپ① قالغانلار، ئۆپكىسىگە سوغۇق تەگكۈزۈۋالغانلار، كۆك يۆتەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قانداق كېچە كىرىپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتىمەن، بېگىم. ئانچە چارچاپ كەتمىدىم. ئەمما، يوللىرىغا تولا قاراپ بەك ئەنسىرەپ كەتتىم. ئەتە بۇنداق ئاقچە قالمىسىلا، بولامدۇ؟
— ئەتە يەنە كېلىدىغانلار بار، خانىكەم. قوشنا ئەللەرنىڭ مۇبارەكلىشىشكە كېلىدىغان يالۋاچلىرىمۇ تېخى كېلىپ بولالمىدى.
— ئۆگۈنلۈككە نورۇز بايرىمى، تاج كىيدۈرىدىغان كۈن.
① جائىداپ قېلىش — زۇكامداش.
تەييارلىق قىلىش، مېھمان كۈتۈش بىلەن بەند بولۇپ ئارام ئالالمايدىغان بولدىلا. ئاغرىپ قالىمىسلا بولاتتى، ئاتىسى. ھېرقاچان تاماق يېمەيلا، چاي دەملەپ بېرىي، دىلداربېكە چاي دەملەپ كىردى. قىزىلگۈل، يالپۇز، رەيھاننىڭ قۇرۇتۇلغان يوپۇرماقلىرىدىن راسلانغان چاي زەپە سېلىپ دەملىگەچكە، ئۇنىڭ خۇشبۇيى ئۆينى بىر ئالدى. ئۇ بەگىيۈسۈپكە «مەجۈنى ھەببى شىپا»دىن بىر كۈمىلاچ يېگۈزۈپ ئارقا ئارقىدىن ئۈچ پىيالە چاي بەردى. ئۇ چاينى ئىچىپ، تېنى شامالدەك يېنىكلەپ كۆڭلى يايراپ قالدى.
بالىمىز قانداقراق، يەنە تېپچەكلىۋاتامدۇ؟ ئۇ دىلداربېكەگە مېھرى بىلەن باقتى.
ئەتىگەندىن بېرى جىم ئىدى. سىلى كەلگەندىن كېيىن توختىماي پۇت ئېتىپ شوخلۇق قىلغىلى تۇردى.
ئاۋايلىسىلا ئانىسى. كۆپرەك دەم ئېلىپ بالىنى ئاسرىسىلا، بەگىيۈسۈپ بېشىنى يېنىك لىكشىتكەن دىلداربېكەدىن مەمنۇن بولدى، ئەزىزىم، سىلى بولمىسىلا قانداق قىلاتتىم ھە! ھېرىپ چارچىغىنىمچە يېتىۋالاتتىم.
سىلى بولمىسىلا مەنمۇ ئۆمۈرۋايەت بەختسىز تۇل بولۇپ قالاتتىم. خۇدايىم تېنىمگە يەتكۈزۈپ، قارا چاچلىرىمغا سىلىنى باغلاپ قويدى. ئەمدى مەنسىز ياشىيالمايلا، دىلداربېكە ئۇنىڭغا يەنە چاي قويۇپ بەردى.
راست دېدىلە، خانبىكەم. سىلى مېنىڭ جېنىم، بەگىيۈسۈپ كۆز ئالدىغا ئاقبىرانى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قارا چاچلىرىنى سىلىدى، قىزىم بۇۋىئايشەمۇ سىلىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.
ئەجەب يادىمغا سالدىلا. تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىغا مېنىڭمۇ بارىدىغانلىقىمنى قىزىمىزغا ئېيتتىلىمۇ ئاتىسى؟
ئېيتتىم. ئۆگۈنلۈككە ئەتىگەن كېلىپ، نورۇز ئىشىنى مۇشۇ يەردە ئېچىدىغان بولدى.
ئۇلار سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ باش توخۇ چىللىغاننى تۇيماي قالدى.
ئەتىسى بەگىيۈسۈپلەر كۈتۈۋالغان بىرىنچى مېھمان — مەلىكە ئادىرا تۈركەن خاتۇن بولدى. يۈز ئۈچ ياشقا كىرگەن بۇ پېشۋا بالا، نەۋرە - چەۋرىلىرى، شەيخلىرى بىلەن كەلگەنىدى. بۇغراخان جەمەتىنىڭ چوك — كىچىك غوجام — خېنىملىرى كۈتۈۋېلىشقا چىقتى. بەگىيۈسۈپ دىلداربىكەنى چاقىرتىپ كېلىپ، بۇۋاشقا قوشۇپ قويدى. ئۇ ئەگىز سۈيى بىلەن توشۇپ دولقۇنلاپ ئاققان قىزىل دەريادىن ئۆتۈپلا، كېلىۋاتقان بىر توپ ئەر — ئايالنى كۆردى. ئەڭ ئالدىدا ئىككى ئات قوشقان مەپە كېلىۋاتاتتى. تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىن ھەممىدىن بۇرۇن ئاتتىن چۈشۈپ مەپە ئالدىغا باردى. پەردىنى قايرىپ سالام بەردى.
— جەمەتىمىزنىڭ دۇئاگويلۇق پېشۋاسى بۈزرۈكۋار ئانا، ئامان — ئېسەن تۇردىڭىزمۇ؟ — ئۇ تىزىلاندى.
مەلىكە ئانا ئېگىلىپ ئۇزاق تەلمۈردى. يىغاق قوللىرىنى سۇندى.
— بۇ سەنۇ — ھە بۆرەم! تونۇدۇم. ناھايىتى بەھەيۋەت بولۇپ كېتىپسەن. كۆزلەرىمگە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن. بۇ قۇتلۇق مەركەگە سەنۇ كېلىپسەن — دە، بالام؟
— كەلدىم، بۈزرۈكۋارىم. تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ھەزرەتلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئۈچۈن بالىلىرىمنى ئېلىپ كەلدىم.
— رەھمەت، بالام. سەن بۇغرا قاراخان بولغان بولساڭ مەملىكىتىمىز نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتمەيتتى. بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز جېنىدىن ئايرىلمايتتى. خەيرىيەت، پاجىئە ئۆتۈپ كەتتى. كەلگىنىڭدىن ئالەمچە خوش بولدۇم. بەلكىم بۇ ئاخىرقى دىدار كۆرۈشۈش بولۇپ قالار…
ئۇ سالام بەرگەن بەگىيۈسۈپنى تونۇپ، ئۆنىدىن رازى ۋە
مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. باشقىلارغا سالامدىن باشقا سۆز قىلمىدى. ئوردا دەرۋازىسىغا چىقىپ تۇرغان توغرۇل قاراخانمۇ ئۇنىڭغا تىزلىنىپ سالام بەردى. ھەرەم قەسرىگە چۈشۈردى.
ئادرا تۈركەن خاتۇن بىلەن كەلگەنلەر ئىچىدە چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىپ، سالاپەتلىك شەيخ بولۇپ قالغان قىيات بوۋايمۇ بار ئىدى. ئۇ قۇماربىكەنىڭ سۈيىقەستى ئاشكارىلىنىپ، زىندانغا تاشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ زەھەرخەندە ئالۋاستىنىڭ جازاغا تارتىلغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ئۇ بەگىيۈسۈپ بىلەن يىغلاپ كۆرۈشتى. ئۇمۇ تېكىيىخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئۇلاردىن كېيىن بەگىيۈسۈپ باغدات خەلىپىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئارقىدىنلا غەزنەۋى، سەلجۇق، رىم، ۋىزانتىيە①، مىسىر قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. بۇلارنى تېكىيىخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئۇنى چاقىرغىلى ئۆيدىن ئادەم كەلدى.
— بۈگۈن بەگكە ھەزرەتلىرى، قوزئوردىدىن مېھمان كەلدى، — دېدى خىزمەتكار.
— كەلگەن كىملەر ئىكەن؟
— ھەزرەتلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئەبۇ يۈسۈپ مەھدۇم ئاتلىق بوغۇچ، ئاشانبۇقا ئاتلىق بوۋاي، ئۇلارنىڭ بالىچاقىلىرى.
بەگىيۈسۈپ ئوردىنى زىننەتلەشكە قاتنىشىۋاتقان سۇلتانبەگكە «قارا بويۇننى ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى.
ئۇ ئالدىراپ ھويلىغا كىرىپ كەلگەندە، ھەممىلەن ئىشىككە قاراپ پېشايۋاندا ئولتۇرۇشاتتى. ئاۋۋال ئۇستازى ھەم قېيىنئاتىسى بولغان ئەبۇ يۈسۈپ مەھدۇم، قېيىنئانىسى ھاۋاخان قوشناچىم بىلەن كۆرۈشۈپ ھال سوراشتى. ئاندىن غۇلاچ يېيىپ
① ۋىزانتىيە — شەرقىي رۇم (تۈركىيە).
كەلگەن ئاشانبۇقا بىلەن قۇچاقلاشتى. بوۋاينىڭ قاش - كىرپىكلىرىمۇ ئاقىرىپ دۈمچىيىپ قالغانىدى. يېقىندىن يەنە بەش چىش چىقىپ، ھەممە چىشى توققۇزغا يەتكەنىدى.
بەگىيۈسۈپ ئوغلى بەگتۈرمىشنى باغرىغا باسقاندا، ئاشانبۇقا سۇلتانبەگكە قۇچاق ئاچتى. قامەتلىك بولۇپ كەتكەن بۇ ئىككى يىگىت ئاتىلىرىنىڭ سۆيۈشىگە پېشانىلىرىنى تۇتۇپ بەردى.
دىلداربىكە ئاياللارنى ئىچكىرى ھويلىنىڭ مېھمانخانىسىغا، بەگىيۈسۈپ ئەرلەرنى تاشقىرى ھويلىنىڭ ساراي ئۆيىگە باشلىدى. بۇۋىسى بەگبۇقانىڭ بالاساغۇندىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن قىلىچ، ساۋۇت، قالقىنى، بەگتۈرمىنىڭ سالۋار تۇمىقى، قامچىسى، رەيھان دىننىڭ سەللىسى - تونلىرى تەۋەررۈك سۈپىتىدە ساراي تېمىنىڭ ئاسقۇلىرىغا ئېسىپ قويۇلغانىدى.
بەگىيۈسۈپ ئۆلارغا چاي سۇنۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
— تەڭرىنىڭ ئەقىللىك بەندىسى بولغان ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەممىشە دىدار كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ ياشايدۇ. بۇ ئارزۇيىمىزغا يەتكۈزۈپ، بۇ يەردە جەم قىلغان تەڭرىگە شۈكۈر. تارتىنماي، قورۇنماي ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشقاندەك بەھۇزۇر ئارام ئېلىشىسلا. يېقىن ئوردىغا بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. كۆڭۈللىرىگە ئېلىشمىسلا، — ئۇ ئۆزرە ئېيتىپ ئورنىدىن قوپتى.
— بارسىلا بالام، بارسىلا. سىلىنى كۆپ ئىشلار كۈتۈپ تۇرىدۇ. كەچقۇرۇن يەنە كۆرۈشىمىز ئەمەسمۇ. دۆلەت ئىشى ئاقساپ قالسا بولمايدۇ، — دېيىشتى ئاشانبۇقا بىلەن ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم.
4
بەگىيۈسۈپ ئوغلى بەگتۈرمىشنى ئېلىپ ئوردىغا كەتكەندىن كېيىن
سەھەردە كېلىپلا غۇسۇل قىلدى. كىيىم يەڭگۈشلەندى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇمنىڭ ئىماملىقىدا ناماز بامداتنى ئوقۇۋېلىشتى. ئەتەڭگەندە كەلگەن بەگتاش جالالدىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.
دىلداربىكە كېچىچە ئۇخلىماي مېھمانلارنى كۈتۈپ، چوڭ قازاندا كۆجە قاينىتىپ، تونۇردا گۆشگىردە پىشۇرغانىدى. بۇۋىئايشەمۇ بالىلىرى بىلەن كېلىپ كۆكلەم ئىشىغا داخل بولدى.
بويىندىق تاقاپ، قايرىما ياقىلىق كەمزۇل ئۈستىدىن يوللۇق بەقەسەم تون كىيگەن بەگتۈرمىش، سۇلتانبەگلەر بېلىگە قىلىچ ئېسىشقانىدى. مىسر شايىسىدىن تىكىلگەن تون كىيىپ، بادام بۆكىگە يېشىل شايه سەللە ئوراپ، كۈمۈش ئوتۇغات قىستۇرۇۋالغان بەگيۈسۈپ، قېيىنئاتىسى، ئاشانبۇقالارنىڭ يېڭى ئۈستىباش كىيىشىپ، ئۆزىدەك خەنجەر تاقىۋالغىنىغا دىققەت قىلدى. يېپيېڭى كىيىم كىيگەن جانىبىدا غوجاممۇ خەنجەر ئېسىشقانىدى.
ئوسما قويۇپ، خېنە يېقىپ، سۈرمە تارتقان ئاياللار پۇزۇر ياسىنىپ ئايۋانغا چىقىشتى.
بىر - بىرىنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاپ بولۇشقاندىن كېيىن، ھەممىلەن ئوردا ئالدىدىكى كاتتا مەيدانغا كېلىشتى.
بەگيۈسۈپ ئوغلى بىلەن سۇلتانبەگنى ئېلىپ ئورداغا كىرىپ كەتتى. مەھەللە - مەھەللىدىن سەپ تارتىپ كەلگەن ئاۋام مەيدانغا پاتماي قالدى. كۆل بويىغا ئېسىلغان ئون توققۇز داشتا كۆجە قايناۋاتاتتى.
پەشتاقتا ناغرا - سۇناي، بۇرغا - كاناي چېلىندى. ئوردىدىن چىقىپ كەلگەن ئاق ئاتلىق سىپاھىلار ئوڭ تەرەپتە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چىققان قارا ئاتلىق سىپاھىلار سول تەرەپتە سەپراس بولدى. بۇرغا - كاناي، ناغرا - سۇنايلارنى چېلىپ چىققان بەقەسەم تونلۇق شادىيانىچىلار بەش غۇلاچ ئېگىزلىكتە كۆركەم ياسالغان گۈمبەز شەكىلدىكى مۇنبەرنىڭ ئارقىسىغا تىزىلدى.
ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن توقسان توققۇز ھۆرمەت قاراۋۇلى چىقىپ مۇنبەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، كۈمۈش ساپلىق نەيزە تۇتقان توقسان توققۇز ھۆرمەت قاراۋۇلى چىقىپ، مۇنبەرنىڭ سول تەرىپىدە تۇردى. يەلپۈنۈپ تۇرغان توققۇز قىزىل تۇغنى كۆتۈرگەن تۇغچىلار مۇنبەر ئالدىدا ئاممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە تارتتى.
ئالتۇن توقا ئورنىتىلغان ئىككى بۇغرا تۇغ ئېلىپ كېلىنىپ، مۇنبەر يېنىدا تۇرغۇزۇپ قويۇلدى.
ئالاھىدە نەقىشلەنگەن ئالتۇن تاج، شاھانە تون كىيگەن توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان، ۋەزىر - ۋۇزەرا، ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوردىدىن چىقىپ، مۇنبەر ئۈستىدە ئاممىغا نەزەر تاشلىدى. ئارقىسىدا تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىن بىلەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بار ئىدى.
مەلىكە ئادىرا تۈركەن خاتۇن باشلىق قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ چوك - كىچىك شاھزادىلىرى، خانىش، مەلىكىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇردى. تۈركەن خاتۇنغا يۆلەنچۈكلۈك كۆرسى قويۇپ بەردى.
ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان مەيدان تىمىتاس بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نەپەس ئېلىشلىرىلا ئاڭلىناتتى. مەيدان ئوتتۇرىسىدىكى كۆلگە مىخلانغان كىشىلەرنىڭ كۆلچىكىسى چۈشۈپ ئاجايىپ بىر مەنزىرە پەيدا بولغانىدى.
شەيخۇلىسلامنىڭ ئىشارىتى بىلەن ھاجىپلار سېپىدە تۇرغان بەگىيۈسۈپ ئالدىغا چىقىپ ئۈچ دىۋانى ئالى①نىڭ قارارىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى:
«ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھۇئەكبەر! ھەمدۇسانا، شۈكرام - ھۆرمەت تەڭرىگە بولسۇن. ئادالەت، شەپقەت ئۇرۇقىنى چاچقۇچى، پېسىلەت - خىسلەتنى نامايان قىلغۇچى نىجاتكار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ
① دىۋانى ئارىس، دىۋانى ھاجىب، دىۋانى توغرائى.
ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇلۇغلاپ، ساداقەت، شۇجائەتنىڭ ئۆلگىلىرى بولغان ئونىڭ تۆت بۇرادىرىگە دۇئا ۋە سالام يوللاپ، ئولار سالغان ئىز بىلەن ئاداشماي ماڭىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، تەنتەنە بىلەن مەملىكەت خەلقىگە جاكارلايمىزكى، قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ ساھىبقىرانى، توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان بىننى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنى قاراخانىيلار ئېلىنىڭ خاقانلىقىغا (بۇغرا قاراخانلىقىغا)، قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ مەردۇمەيدانى، غازى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلانخاننى ئوردۇكەنت دىيارىنىڭ بۇغراخانلىقىغا تەيىنلەپ ئوشبۇ قارارى ئالىي پۈتۈلدى.
دىۋانى ھاجىپ، دىۋانى ئارىز، دىۋانى توغرائى.
ھىجرىيە 451 - يىلى رەببىيەل ئەۋۋەلنىڭ 13 - كۈنى①»
ئۈچ ئالىي دىۋاننىڭ قارارىنى ئوقۇپ بولغان بەگىيۈسۈپ ئاۋامغا مۇراجىئەت قىلدى:
— ئەزىز قېرىنداشلىرىم قۇتلۇقلىغايسىلەر!
خالايىق بىردىن دەۋرەپ چۇقان سالدى:
— توغرۇل قاراخان ھەزرەتلىرىنىڭ بۇغرا قاراخان بولغىنىغا مۇبارەك!
— ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئالىيلىرىنىڭ بۇغراخان بولغىنىغا مۇبارەك!
— قۇتلۇقلايمىز… قۇتلۇقلايمىز!
بۇغرا قاراخان بىلەن بۇغراخان قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈردى. ئاۋام ئاستا - ئاستا تىنچلاندى.
بەگىيۈسۈپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
— شەيخۇلىسلام ھەزرەتلىرى شاھىنشاھلىرىمىزغا تاج
① مىلادىيە 1059 - يىلى 3 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
كېيدۈرىدۇ! دەپ ئېلان قىلدى.
ئاپپاق يىپەك پۈركەنجىگە ئورىنىپ، يۈزىگە قارا چۈمبەل تارتقان مەلىكە ئادىرا تۈركەن خاتۇن كۈمۈش پەتنۇسقا ئېلىپ سۇنغان ئىككى ئالتۇن تاجنى قوش قوللاپ ئالغان نۇردىن داموللا مەخدۇم ھاجى تەكبىر ئېيتىپ تۇرۇپ، بەش گۆھەر كۆز قويۇلغان تاجنى توغرۇل قاراخانغا، ئۈچ گۆھەر كۆز قويۇلغان تاجنى ھەسەن ئارسلانخانغا كېيدۈردى. ئاۋام دەۋرەپ:
مۇبارەك بولسۇن! مۇبارەك بولسۇن! بۇغرا قاراخانىمىز ئامان بولسۇن! بۇغراخانىمىز ئامان بولسۇن! دەپ توۋلاشتى. شادىيانە ئاۋازى پەلەكنى قۇچتى.
بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى بىلەن بۇغراخان ئالىيلىرى مەملىكەت ئەھلىگە قەسەم بېرىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى بەگىيۈسۈپ.
ئاۋام جىمجىتلىققا چۆمدى.
ئوڭ قولىدا «قۇرئان كەرىم»نى، سول قولىدا يالىڭاچلانغان كۈمۈش سايلىق قىلىچنى تۇتقان مەھمۇد ئارسلانخان كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن قەسەمياد قىلدى:
بىر ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن.
ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
قەسەم بىللاكى، ئاللاتائالا يېقىن قولۇمغا تاپشۇرغان قاراخانىيلار مەملىكىتىنى ئادالەت بىلەن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جانىم پىدادۇر. ھەققانىيەتنى قوغلار، مۆمىن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاسايىشلىق بېخىش ئېتىمەن. ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز، يىگىرمە تۆت قەبىلە ئەھلىنىڭ ئىناق ئىجىل بولۇپ، ھۆر، ئەركىن ياشىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يارىتىش كۈيىدە، چەككەن جاپا رىيازەتنى سائادىتىم دەپ بىلىمەن. ئاۋامغا، مەملىكەتكە دۈشمەنلىك قىلغان قارا نىيەت، سۇيىقەستچى، ئاسىي مۇناپىقلارغا رەھىمسىز، ۋەتەنداش،
يۇرتداش، قېرىنداش، دوستلىرىمغا غەمخار، شەپقەتلىك بولۇش تۇتقان يولۇمكى، ئۆزگەرمەستۇر. ئېقىن سۇ ۋە تەردىن يەر، ئادالىتىمدىن يەر كۆكەرمىسە بۇ دۇنيادا قارا يۈز، شەرمەندە بولۇپ تەختىمدىن يۈز تۆۋەن چۈشكەيمەن. ئۇ دۇنيادا دوزاخقا تاشلانغايمەن. ئاللاھۇئەكبەر!
— ئاللاھۇئەكبەر! — تەكبىر ئېيتتى خالايىق.
ئاندىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىر قولىدا «قۇرئان كەرىم»نى، بىر قولىدا قىلىچنى كۆتۈرگەن ھالدا قەسەمياد قىلدى:
— ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ماختاش — ماختىنىش ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىر ئاللاھقا خاستۇر. قەسەم بىللاكى، ئاللاھى تائالانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئەھلى ۋەەتەن دۈشمەنلىرىگە شەپقەتسىز، ئەھلى ۋەەتەن دوستلىرىغا رەھىمدىل بولۇپ ئادالەتنى جارى قىلىمەن. خەلق بەختىنى — بەختىم، خەلق غېمىنى — غېمىم بىلىپ، ئىلىم ئەھلىنى دوست تۇتۇپ، ۋەتىنىمنى قۇدرەت تاپتۇرىمەن. جىمى ھېكمەتنىڭ ئىگىسى ئاللاھ ئىگەم ماڭا تاپشۇرغان بۇ ئۇلۇغ كاتتا دىيارنى ياشنىتىپ مەرىپەت بېغىغا ئايلاندۇرغايمەن. مۇبادا بۇ ئەھدىمدە تۇرمۇي، ئەلگە زۇلۇم، دۈشمەنگە كۆلكە قىلسام، ئاللاھ ئىگەم مېنى تاجو-تەختىم بىلەن گۇمران قىلسۇن. ئاللاھۇئەكبەر!
— پۈتۈن ئالەمنىڭ ئادىل پادىشاھى بولغان ئاللاھ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر!
— بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان ھەزرەتلىرىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!
— بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئالىيلىرىغا ئاللاھ مەدەتكار بولسۇن! — دەپ چۇقان سالدى خالايىق دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ.
بۇغرا — كاناي، ناغرا — سۇناي ساداسى ئەۋجگە كۆتۈرۈلۈپ،
ئاسمان - زېمىن لەرزىگە كەلدى.
شەيخۇلىسلام بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننى، بەگىيۈسۈپ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننى بۇغرا تۆگىگە مىندۈردى. چۆلۆۋىردىن يېتىلەپ ئاۋام ئارىسىدا ئايلاندۇردى. يەنە مۇنبەر ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ تۆگىلەرنى چۆكتۈردى. بۇغرا قاراخان بىلەن بۇغراخان مۇنبەرگە چىقتى. تېرىم تۈركەن خاتۇننى ئىككى ياندىن يۆلەپ، پەي ياستۇقلار قويۇلغان يۆلەنچۈكلۈك ئالتۇن كۆرسىدە ئولتۇرغۇزدى. كۆزلىرى پارىلداپ تۇرغان تەختكە چىقىشتى. ئالتۇن تاجلار كۆكلىم قۇياشنىڭ نۇرىدا يارقراپ كەتتى.
شەيخۇلىسلام، ۋەزىر - ۋوزۇرلار، بۈگۈ بىلگە، بوغۇغلارمۇ مۇنبەردىن ئورۇن ئېلىشتى.
ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان شەيخۇلىسلام بىلەن ھاجىپ بەگىيۈسۈپنى، ئالىملار سېپىدىكى ھۈسەيىن يەزلۇللا ئىبنى خەلەپ بىلەن مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرىينى تەخت يېنىغا قويۇلغان كۆرسىلارغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
كۈمۈش ھېجىرلارغا ئوسۇلغان مەززىلىك كۆجە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. ئەسىرلەردىن بېرى ئادەت بولۇپ كەلگەن يوسۇن بويىچە بۇغرا قاراخان ئالتۇن تاۋاققا ئوسۇلغان كۆجىگە ئېغىز تەگكۈپ بەردى. ئاندىن بۇغراخان، بۈگۈ بىلگە، بوغۇغلار ئېغىز تەگدى. ۋەزىر - ۋوزۇرا، ھاجىپلار، ئوردا خىزمەتچىلىرى تاۋاق - ھېجىرلارغا ئوسۇلغان كۆجىنى ئاۋامغا يەتكۈزدى. ئون توققۇز داش قازاندىكى كۆجە بىردەمدىلا تۈگىدى. ئاۋامنىڭ ئالدى ئۈچ قوشۇق، كەينىدىكىلىرى بىر قوشۇقتىن ئىچىشتى. قۇتلۇق نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگمىگەن بىرمۇ ئادەم قالمىدى.
قاچىلار قويۇلۇپ، داستىخان يىغىلدى. مەلىكە تېرىم تۈركەن خاتۇن دۇئا بەردى:
- ئەي، يەرۇئاسماننى بىنا قىلغان، كۈللى مەخلۇقاتنى ياراتقان، ئادەمنى پىكىر قىلىش، سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە
قىلغان ئۇلۇغ تەڭرىم! بۈگۈن تاللانغان ئىككى بەندەڭنى تەختتە ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كامىل، ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلغىن. ئىشلىرىغا نۇسرەت، دەستىخىنىغا بەرىكەت بەرگىن. ئەقىلنى بىلىم بىلەن كامال تاپتۇرغىنكى، ھەممە چاره تەدبىرلىرى ئاۋام خەلققە پايدىلىق بولسۇن، زىيانلىق بولمىسۇن. ئادالەت تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەلگە خاتىرجەملىك بېخىش ئەتسۇن، قارا نىيەت ئاسىيلارغا، ياۋۇز دۈشمەنلەرگە دەھشەت سالسۇن. قۇتلۇق نورۇز ئەھلىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، باھادىر شاھلىرىمىزنىڭ تەختى مۇستەھكەم، مەملىكىتى ئاۋات بولسۇن… ئامىن!
ئامىن! نورۇز ئەھلىنىڭ بوراندەك گۈرۈلدىگەن ئاۋازى پەلەكنى قۇچتى.
بۇ دەبدەبىلىك كاتتا سورۇنغا قاتناشقاندىن سۆيۈنۈپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئاشانبۇقا: «ئەجەب، ئالۋاستى قۇماربېكەنى جازالىمىدىغۇ؟ بۇ توغرۇلۇق خاقانلار زۇۋان سۈرۈشمىدىغۇ…» دەپ ئويلاپ ئىچى تىترەپ قالدى.
قۇماربېكەنىڭ جازالانغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ئوردام ① دىن كەلگەن شەيخ قىيات بوۋايمۇ: «قۇماربېكە جازالانمىسا كۆزۈم ئۇچۇق كېتىدۇ. ئورداغا كىرىپ بۇغرا قاراخانغا دادلايمەن» دەپ، بەگىيۈسۈپتىن مەسلىھەت ئېلىش ئۈچۈن مۇنبەرگە قاراپ ماڭدى.
كۆكلىم قۇياشىنىڭ ھال رەڭ شولىسى، نورۇز ئەھلىنىڭ ھاياجانلىق كۆزلىرىدە چاقناپ، تىنق كۆل يۈزىدە ئالا بولا شولىلارنى پەيدا قىلدى. يەردىن كۆتۈرۈلگەن كەپتەرلەرگە ئېسىلغان غۇڭ قاپاقنىڭ غۇڭۇلدايدىغان ئاۋازى، ئىسسىق ياقلاردىن كەلگەن تۇرنا غازلارنىڭ ساداسىغا قوشۇلۇپ كەتتى.
① ئوردام يېڭىساردىكى سېيىت ئەلى ئارسلانخان دەپنە قىلىنغان قەبرىلىك.
يىگىرمە ئۈچىنچى باب: ئادىل جازا
1
ئۆتكەن يىل قالايمىقانچىلىق، پاراكەندىچىلىك، قەھەتچىلىك، باج - سېلىق دەستىدىن باھار، يازدىمۇ تاقىلىپ قالغان دۇكان - سارايلار بۇ يىل زىمىستاننىڭ قارا سوغۇقىدىمۇ ئېچىلغانىدى. ئېمتىياز كېلىشىمى بىلەن تەڭ سودا تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. غەربتە رۇم، مىسىر، باغدات، سەمەرقەنت، بۇخارا، شەرققە چاڭئەن، لوياڭ، قۇمۇل، ئىندىقۇتلاردىن سودا كارۋانلىرى يەنە كېلىشكە باشلىغانىدى. توختاپ قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بۇ كارۋانلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كېلىشى بازارنى ئاۋات قىلىۋەتتى.
چاڭئەندە تۇرۇپ قالغان بەگلىكنىڭ جېلىلىنىڭ كارۋىنى قارلىغاچ بىلەن تەڭلا قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ گەزمال سارىيىغا چۈشتى. تاي - تاي ماللار بىلەن ئامبارلارنى توشتۇرۇۋەتتى. ئېلىپ كەلگەن قۇللار يول ئازابىدىن ئاجىزلاپ كەتكەچكە، ئەسلىگە كېلىۋېلىشى ئۈچۈن، قورغاندىكى شاپتۇللۇق بېغىغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە مەخسۇس خادىملارنى قويدى. قۇللارنىڭ ھەممىسى ئون تۆت ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولغان قىزلار ئىدى.
بەگلىكنىڭ جېلىلىنىڭ ماللىرى ئىچىدە چاڭئەننىڭ تاۋار - دۇردۇنلىرى، فارافور قاچىلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. بولۇپمۇ قوندۇز چاچلىق، شەھلا كۆزلۈك قىزلار گۆزەل
739
رۇخسارى، ناز - كەرەشمىسى بىلەن ھەرقانداق ئادەمنى مەپتۇن قىلىۋاتاتتى. ئۇلار ئوبدان كۈتۈلگەچكە، ئەسلىگە كېلىشى ئويلىغاندىن تېزىرەك بولدى. ئەمما، بەگتاش جېلىلنىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس ئىدى. ئېيىش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتكىنى، ئىلىم - بىلىم ھېساباتىنى ساختىلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا سودا سارايلىرىنى ئاچقانلىقى، باج تاپشۇرماي، زاكات بەرمەي، ھارامدىن بايلىق توپلىغانلىقى ئۇنى نېمىشقا بىئارام قىلمىسۇن؟ «ئىشەككە تەقىسەر دېسە ئوقۇرغا چىچىپتۇ» دېگەندەك نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ چاغىنىگە بېرىۋالغانلىقى ئويلانسا يۈزى چىمىلدايتتى. ئەمدى خىجىل بولۇۋاتاتتى. ئۇ يەردە سودىسى يۈرۈشۈپ، ئېلىپ بارغان خام يىپەك، كېپەك ئالتۇن، پاختا، خوتەن، سەمەرقەنتنىڭ شاھى - ئەتلەس، گىلەملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، قاشتاشلىرىنى نەچچە ھەسسە پايدىسىغا سېتىپ، ئېسىل، ئەمما ئەرزان كىمخاب، تېنللا تاۋار - دۇردۇنلارنى، چىنە - تەرەخسەلەرنى كۆپلەپ ئېلىپ قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار ئىچىدە سوۋغاتلارمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۆپ ھەم قىممەت باھالىق ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئاكىسى، سىڭلىسىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچى، كۆيۈمچان كۆرۈنۈپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇپ، كېلىپلا مەجبۇرىي يامانلىتىپ كەتكۈزۈۋەتكەن چوك خوتۇننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇنىڭ سەۋەبسىز تاشلىۋېتىپ سەپەرگە كەتكىنىدىن باغرى قان بولغان بۇ ئايال كۈتمىگەن سوۋغات بىلەن كەلگەن ئېرىنى يېشىنى سۈرتۈپ ئوچۇق چىرايى بىلەن كۈتۈۋالدى. قېيىنئاتا، قېيىنئانىنىڭ كۆڭلىدىكى غۇم شۇنىڭ بىلەن تارقىلىپ كەتتى. ئۇلار خوش بولۇشۇپ، تالاق قىلىنغان قىزىنى قايتا نىكاھلاپ ئۇنىڭغا قوشۇپ قويدى.
چوك خوتۇننى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپلا، ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىشقا يول ئاچقان بەگتاش جېلىل ئۈچ تۆگىگە سوۋغاتلارنى يۈكلەپ، قەدەم جايىغا كەلدى.
خىزمەتچىلەرگە يۈكنى چۈشۈرتۈپ، ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ئۇ بارغىنىچە تىزلىنىپ، پېشايۋاندا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغان بەگتاش جالالىددىنغا سالام بېرىپ: — پېدەر بۈزرۈكۋارىم، ئەقىلسىز ئوغۇللىرى ئەپۇ سوراپ كەلدىم. پېقىرنى جازالىسىمۇ، گۇناھىمدىن ئۆتسىمۇ، — دېدى ئۇ شايى تونىنىڭ پېشىنى بوسە قىلىپ. — ئاخىر كېلىپسەن — ھە! ئوغلۇم، قەيەرگە چۈشتۈڭ؟ — سورىدى ئاتا. — ئۆز ئۆيۈمگە. — نەچچە ئۆيى بار، دەپ ئاڭلىۋىدىم، قايسىسىغا؟ — ئۆزلىرى ياستىپ بەرگەن چاستىكى ئۆيگە. — كېلىنىمىزنى كەتكۈزۈۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىتۇدمىغۇ؟ — كېلىپلا ياندۇرۇپ كەلدىم. ئۆزلىرىنى ئاپىرىپ بىرنەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغۇم بار. بەگتاش جېلىل ئاتىسىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرپىگە يۆكۈندى. — ئوبدان قىلىپسەن ئوغلۇم. كېلىنىم يېقىن بۇرادىرىمنىڭ قىزى ئەمەسمۇ، تالاق قىلىۋەتكىنىڭنى ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولغانىدىم. خەيرىيەت، سەن كەتكەن بىر يىلدىن بېرى ئوردو كېنەتتە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئاڭلىغانمۇسەن؟ — ئاڭلىدىم، پېدەر بۈزرۈكۋارىم. ئۆزلىرىمۇ ساقىيىپ قاپلا. ئاپام تۈگەپ كېتىپ داغدا قاپتىمەن. ئېسىت — ئېسىت!… — ئاپاڭ تۈگەپ كەتتى. ھەم، قېرىنداشلىرىڭ ئاللا پاناھىدا ھالال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، — بەگتاش جالالىددىن ئونىڭغا تەگكۈزۈپ تەنە قىلدى. بەگتاش جېلىل قىزىرىپ كېتىپ: — پېقىر ئوغۇللىرى بۇ يەردە بولالمىساممۇ، ئاسىي مۇناپىقلارنىڭ زىندانغا تاشلىنىپ،، ئاۋام خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. كېتىپ قالغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، ئاتا. ئاپامنىڭ ۋاپاتى مېنى ھەسەتتە
قويدى. — شۇنداق بالام. خەيرلىك پەيتتە كەلدىڭ، خاقانلارنىڭ تاج كىيگىنىنى كۆرمىگەن بولساقمۇ لەنىتى قارا نىيەت ئاسىيلارنىڭ جازالانغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىدىغان بولدۇڭ. ھە، ئاكاڭ چىقتى، كۆرۈشكەن ئوغلۇم. بەگتاش جېلىل ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىچكىرى ھويلىدىن ئالدىراپ چىقىۋاتقان بەگتاش خېلىلغا سالام بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلىۋالدى. كۆزىگە ياش ئالغان ئاكا ئۈن چىقماي بېشىنى سىلاپ تۇردى. — ئاكا، مېھرىبانىم ئاكا، بەك ئوبدان تۇرۇپسىز. پېقىر ئىنىڭىزى بۇنىڭدىن خۇشالمەن. مېنى كەچۈرسىلە، — دېدى بەگتاش جېلىل. بەگتاش خېلىل ئېگىلىپ تۇرغان ئىنىسىنىڭ پېشانىسىگە نوقۇدى. — كەلگىنىڭ ياخشى بولدى، ئۇكام. ئاللاندىن دىدارىڭنى تىلەپ كېچە — كۈندۈز دۇئا قىلغانىدۇق. بىراق، ئاپام سەن بىلەن ۋىدالىشالماي ئېچىنىشلىق جان ئۈزۈپ كەتتى. — مەن ئىنسابىمنى تىلىدىم، ئوغلۇم. خۇدايىم ئىنساپسىز بالىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، — بەگتاش جالالىددىن ئاقارغان ساقىلىنى سىقىملاپ قويدى، — ئۆمرۈم يەنە بار ئىكەن. خۇدا مېنى گۆر ئاغزىدىن ياندۇرۇپ كەلدى. ئاتاساغۇن سىڭلىڭ داۋالاپ ساقايتتى. بەختكە قارشى ئاپاڭ ۋاپات بولۇپ داغى ھەسرەتتە قالدۇق. سېنى كۆپ سېغىنغانىدۇق. ئاغرىپ يېتىپ قالغان مەزگىلىمدە، سېنى كۆرەلمەي قالارمەنمىكىن دەپ كۆپ غەم يېگەندىم. سېنى خۇدايىم ئۆزى كەلتۈرۈپ بەردى، — ئۇ يىغلاپ تۇرغان بەگتاش جېلىلنىڭ باش — كۆزىنى سىلىدى، — ئەمدى يىغلىما. سىڭلىڭغا ئادەم ئەۋەتەي، كەلگىنىڭنى ئاڭلىسا خۇش بولىدۇ. — ماقۇل، ئاتا. مېنىڭمۇ ناھايىتى كۆرگۈم كەلدى.
بەگتاش خېلىل سىڭلىسىنى چاقىرىپ كېلىشكە غۇلامنى ئەۋەتتى.
ئېغىر ئۇھ تارتقان ئاتا بەگتاش جېلىلغا يەنە دوق قىلدى:
— بالام، سەن پۇل تېپىشقا، بايلىق توپلاشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىسەن. شۇنداق ئەمەسمۇ يا؟
بەگتاش جېلىل باش چايقاپ دېدى:
— پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ دۇنيالىققاچ ئۈچۈن تىرىشقىن، گويا مەڭگۈ ياشايدىغاندەك» دەپ تەلىم بەرگەنىكەن. پۇل تېپىش، بايلىق توپلاش گۇناھ ئەمەستۇ، ئاتا؟
— شۇنداق، گۇناھ ئەمەس بالام، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن، گويا ئەتلا ئۆلىدىغاندەك» دەپمۇ تەلىم بەرگەن. بۇنىمۇ بىلىۋال ئوغلوم. ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ زاكات بەرمەي، باج تاپشۇرماي يىققان بايلىق ھالال ھېسابلانمايدۇ. ئاسانلا قولدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئادەمنى ئاچ كۆز، تەمەخور، ھەسەتخور قىلىۋېتىدۇ. بۇنى ئېسىڭدىن چىقارما، ئوغلوم.
— ئاتام توغرا ئېيتىدۇ، ئۆكام. تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش سۈننەت. تىجارەت بىلەن بېيىغان ئادەم ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ. ئاخىرەتنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
بەگتاش جېلىل ئۆكسۈپ، ئاندىن تاتارغان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى:
— ھۆرمەتلىك ئابالىرىم①، نېمىشقا مەندىن گۇمانلىنىسىلەر. ئەندىشە قىلىسىلەر؟ ! مەن شۇنداق ئاخىرەتلىكىنى ئويلىمايدىغان يامان ئادەممۇ — ھە؟ ! بۇ ۋاقىتقىچە تىجارەتتە زىيان تارتمىدىم، پايدا ئېلىپ كەلدىم.
① ئابالىرىم — بۇ يەردە دادىلىرىم دېگەن مەنىدە.
سودام يۈرۈشۈپ، شەھەر - شەھەردە دۇكان - ساراي ئاچتىم. كارۋان تۆگىلىرىم ئۈچ يۈزدىن ئاشتى. نېمىشقا مېنى ئاخىرەتنى ئويلىمايدۇ، دەيدىغانسىلەر؟ ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك، ئاللاھقا ئۆزۈمنى تاپشۇرۇپ گۇناھىمنى تىلەيمەن.
— خەپشۈك! يالغان سۆزلەپ مېنى ئالدايمەن دېمە بەھرەز. نەچچە يىلدىن بېرى بىزگە بىلدۈرمەي قانچە خوتۇن ئالدىڭ، قانچىلىغان قىز - چۆرىلەر بىلەن كۆڭلۈڭنى ئاچتىڭ؟ بۇنى بىلمەيدۇ دېمە، بىلىمىز. مىڭلاق، ئىدۇقۇت، چاڭئەنلەردە ئۆز ئالدىڭغا ساراي ئېچىپسەن. نېمىشقا بۇنىڭدىن بەگىيۈسۈپنى، بىزنى خەۋەردار قىلمىدىڭ؟ پۈتۈن سەرمايە بەگىيۈسۈپنىڭ تۇرسا، ئونىڭ پۇل - مېلىغا خىيانەت قىلساق ھالالدىن پۇل تاپقان بولامسەن؟ ئاخىرەتلىكىڭنى شۇنداق ئويلامسەن؟ ئاكاڭ ھەممىنى بىلىپتۇ. بىزگىمۇ بىلدۈردى. ھازىر بەگىيۈسۈپ بىزگە كۆيۈنۈۋاتىدۇ. سېنىڭ ئالدىراپ - سالدىراپ سەپەرگە چىقىپ كېتىشىڭدە غەرەز بولۇپلا قالماي، چاڭئەندىن ساپلا قىز قۇللارنى ئەكېلىشكىمۇ نىيىتىڭ بار. ھېساباتنى ئوچۇق قىلىۋەت!
— پەدەر بۈزرۈكۋار، يېقىن ئوغۇللىرىڭدا ئاز - تولا سەۋەنلىكمۇ يوق ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھېساباتنى ئوچۇق قىلىپ ھەمراھلىرىمنىڭ گۇمانىنى بوينۇمدىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئالدىڭلارغا كەلدىم، — بەگتاش جېلىل پېگاھقا بېرىپ تىزىلاندى.
شۇ چاغدا ھويلا ئىشىكى ئېچىلدى. دىلداربەكە خىزمەتكار، دېدەكلىرى بىلەن كىرىپ، بەگتاش جېلىل بىلەن سوغۇقلا كۆرۈشتى.
— مەن سېنى كەلمەسمىكىن دەپتىكەنمەن، ئاكا، كېلىپسەن. كەلگىنىڭ ياخشى بولدى، — دېدى ئۇ چىن قەلبىدىن. مۆئۈت تون، مەخمەل پېشمەت - شىم، قاما تۇماق كىيگەن ئاكىسىغا زەھەر سېلىپ. بەگتاش جېلىلنىڭ بارمىقىدا ئالماس كۆز قويغان ئالتۇن ئۈزۈك يارقىراپ تۇراتتى، — ئاتام بېتاپ ۋاقتىدا تارتىشماي
كەتكەنىدۇق. ئابامنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمىدۇق. ئۇزاق سەپەر قىلغاندەك ئەمەس، چار باغدا تۇرغاندەك سەمىرىپ كېتىپسەن، ئاكا. تۈنۈگۈن كەلدىڭمۇ؟
— ھەئە تۈنۈگۈن كەلدىم، — دېدى بەگتاش جېلىل ئۇيقۇسىزلانغان ھالدا، كەلگىنىڭە ئون كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، — مەن سىلەرنى ناھايىتى سېغىندىم ئۇكام، ھەربىرىڭلارنىڭ لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ بىرئاز سوۋغات ئېلىپ كەلگەندىم. قوبۇل قىلىشقايلا، — بەگتاش جېلىل قوپۇپ، يۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، تام تۈۋىگە چۆكتۈرۈپ قويۇلغان تۆگىلەرگە قاراپ قويدى.
بەگتاش جالالىددىن ئوغلىنىڭ قولىنى سىلكىشلەپ تارتتى.
— ئولتۇر بالام! مىننەت قىلىپ ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىڭنى بىزگە كۆز — كۆز قىلما. ئاغزىمىزنى تۇۋاقلىماقچى بولۇۋاتامسەن يا؟
ئۇقۇپ چېھرى غەلىتە بولۇپ كەتكەن بەگتاش جېلىل ئۈن چىقارمىدى.
— ئۇكام، سەن مەشرىقتە، مەن مەغرىبتە سودا قىلىپ تەڭرىنىڭ ئاتا قىلىشى بىلەن نۇرغۇن مال — مۈلۈك، دەسمايىگە ئىگە بولدۇق. پېدەر بۈزرۈكۋار بۇنىڭدىن تولا مەمنۇن. بەگىيۈسۈپمۇ تولا مىننەتدار. ئەمما، مەن سېنىڭ يوشۇرۇنچە قىلىۋاتقان خىيانىتىڭنى بىلىپ قېلىپ ئاتامغا ئېيتتىم. نەپسىڭ بېزەك بىلەنلا قانائەتلىنمەي، پەس ئارزۇ — ھەۋەسكە بېرىلىپ كەتكىنىڭنى دېمەيلا قوياي، مايمۇنە دېگەن قىزغا قىلغان مۇئامىلەڭنى ھەمشىرەمدىن ئاڭلىتىپ، ساڭا لەنەت ئوقۇدۇم. مۇئامىلەڭ بارغانسېرى ساختىلىشىپ كەتتى. سېزىپ قالغىنىمىزنى تۇيۇپ، بېتاپ ياتقان ئاتامغىمۇ قارىماي، ئۆزۈڭ سەپەرگە چىقىپ كەتتىڭ. كەلگىنىڭ خەيرلىك بولغاي، بىراق ئاتام دېگەندەك ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىڭنى قوبۇل قىلالمايمىز. تاكى قىلمىشلىرىڭنى بوينۇڭغا ئېلىپ بەگىيۈسۈپ ئالدىدا توۋا قىلمىغۇچە.
— دە رھال ئۆيۈڭگە قايت! ئوبدان ئويلان، ئۆگۈنلۈككە خانلىقىمىزنىڭ چوڭ ئاسىي گۇناھكارلىرى جازالىنىدىغان ئەھمىيەتلىك كۈن. خالىساڭ شۇ كۈنى ئەتەنگەن كەلگىن. بىللە غىزالىنىپ جازا مەيدانىغا بارايلى.
ئاتىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بەگتاش جېلىل يەنە تىزىلاندى:
— ئاتا، ئاكا، سىڭلىم، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار ھەق. مەن گۇناھكار. ئالاھىدە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن سوۋغامنى قوبۇل قىلىڭلار. يۈز توپ كىمخاب، يۈز توپ دۇردۇن — تاۋار، يۈز توپ ئاق يىپەك رەخت، تۆت ساندۇق نەپىس تەخسە، چىنە، پىيالىلەرنى ھەربىرىڭلار ئۈچۈن سېتىۋالغانىدىم. ئاتا، ئۆزىڭىزدىن بۆلەك ئۆزلىرىگە تۈلكە تېرىسىدە تىكىلگەن جۇۋا، سالۋار تۇماق، يىپەك رەختتىن قىلىنغان بەلباغ، ئاكا، ئۆزلىرىگە كۇچا كۆرىسىدە تىكىلگەن جۇۋا، قاما تۇماق، ئىككى قىز قۇل، سىڭلىم، ئۆزلىرىگە مەرۋايىت دوپپا، ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك ئېلىپ كەلدىم.
— بولدى قىل! ئۆز گۇناھىڭغا توۋا قىلماي تۇرۇپ بېشىڭنى تاشقا ئۇرساڭمۇ سوۋغاتلىرىڭنى قوبۇل قىلالمايمىز! — بەگتاش جالالىدىن يۈز — خاتىر قىلماي سوۋغات ئېلىشنى رەت قىلدى.
دىلداربىكە:
— مەن داستىخان تەييارلاي، ئاتا. بەگتاش جېلىل ئاكامنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىساقمۇ، ئوبدان كۈتۈۋالايلى. ئاخىر گۇناھىغا توۋا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بايلىق ئالدىدا كۆزى قىزارمايدىغان ئادەملەر ئاز. ئۆيگە كىرىلى، يۈرسىلە ئاكا، — دېدى سىڭىللىق مېھرى بىلەن.
ھەممىيلەن ئۆيگە كىردى. داستىخان سېلىنىپ مەزە — گۆشەك قويۇلدى. دىلداربىكە پىيالىگە چاي قويۇپ تۇتتى.
— ئىچسىلە ئاكا، ئۆي چېيىنى سېغىنغانلا؟
— سېغىندىم، ئوكم، سىلى دەملىگەن چاينى شۇنچە سېغىنغانىدىم، — بەگتاش جېلىل پىيالىنى قولىغا ئېلىپ
چاينى قىزىق سۈمۈرۈپ ئىچتى. كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
دىلداربىكە بىردەمدىلا ئۆپكىنى پىشۇرۇپ، پولونى دۆملەپ قويۇپ چىقتى. ھەممەيلەن جىم بولۇپ ئۆپكىنى ئىچىشكە تۇتۇندى. بىر چۆچۈن گىژىلداپ ئۇچۇپ ئايلىنىپ بېرىپ بەگتاش جېلىلنىڭ مۈرىسىگە قوندى.
— ئوردۇكەنتنىڭ چۆچۈنى مۈرۈڭگە قوندى، سەندە يەنە ئامەت بار ئىكەن، بالام. خوشۇڭنى تاپساق بولغۇدەك.
— خوشنى تاپىدۇ، ئاتا، جەزمەن خوشنى تاپىدۇ. تولا تاپا - تەنە قىلماۋەرمىسەكلا. ئاكامنىڭ بېشى ساڭگىلاپ ئۈزۈلۈپ كەتەي دېدى، — دىلداربىكە ئاتىسىنىڭ پېشىنى تارتىپ قويدى.
بەگتاش جالالدىن گەپ قىلماي ساقىلىنى سىيپىدى.
بەگتاش جېلىل ھۇجرىپ يىغلىۋەتتى. زۇۋان سۈرمىدى. ئۆپكىدىن بىر پىياله ئىچتى. پولودىن ئۈچ كاپام يېدى.
— كۆڭلۈم غەشلىكتە بولۇپ قالدى، ئابالېرىم. بولمىسا ھەربىرىڭلارنىڭ ھىدلىرى كېلىدىغان ئۆي تامىقىنى ئاجايىپ سېغىنغانىدىم. ھەرقانداق ئېغىز تەگدىم. دىلىم ئېرىدى. سوۋغاتنى شۇنچە يىراق يەردىن ئاتاپ ئېلىپ كەلگەندىم. قوبۇل قىلىشمىدىلا، بۇنىڭغا ئۆزۈم ئەيىبلىك.
— ئوغلۇم، بىزنى زورلىما. سوۋغاتنى ئېلىپ كەت. دىلىڭ تازىلانغاندىن كېيىن ماللىرىڭنى قوبۇل قىلساق خەيرلىك بولىدۇ.
بەگتاش جېلىل ئاتىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن قوپتى — دە، ئىشىككە قاراپ ماڭدى. بەگتاش جېلىل، دېدەكلەر سوۋغاتلارنى تۆگىلەرگە ئارتىشىپ بەردى. ئىككىسى ئۇزاپ ماڭغاندا كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلدى…
2
زۇلمەت باسقانسېرى ئادەم يورۇقلۇققا شۇنچە تەشنا بولىدۇ.
قازاننى دۇم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپقاراڭغۇ چاھ ئىچىدە، ئىڭراپ ياتقان قۇماربەككە تەقدىرنىڭ مۇنچە تېز ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچقاچان خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. زىندانغا تاشلانغىچە، ئالتۇن تاج كىيىپ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئوغلىنى، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تىزلىنىپ يارلىق كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۆمرى بىلەن بۇغراخان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قولغا چۈشۈپ قەتلى قىلىنغانلىقىنى، قوشنا ئەللەرگە يۈرۈش قىلغان ئىبراھىم تېكىننىڭ جەڭدە قازا قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەنتەنە بىلەن تەختتە ئولتۇرغانلىقىنى، پارس ۋە رۇم ئەللىرىنى پەتھى قىلىپ، دۇنيادا بىردىنبىر «جاھانگىر پادىشاھ خاتۇن»غا ئايلانغانلىقىنى چۈشىدە كۆرەتتى. ئۆڭىدە خىيال قىلاتتى… ئاقىۋەت نېمە بولدى؟ ئۆزىنى شۇنچە ياخشى كۆرگەن، بارلىقىنى بېغىشلىۋەتكەن شەۋكەتلىك پادىشاھ — بۇغرا قاراخان بولغان ئېرىنى، ئۆنۈڭ ئۆلۈمھەدى قىلىنغان ئوغلىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپلا قالماي، نۇرغۇن بىگۇناھ، ئالىم - ئۆلىما، ھۈنەرۋەن، كاسىپ، مەردۇمەيدانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ ياۋۇز ئالۋاستىغا ئايلاندى. ئۆتەن ئەھلىنى بىزار قىلدى. تەقدىر - قىسمەت شۇ بولدىكى، ئۆزى بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان تاشلىنىپ قازا قىلغان گۆردەك قاراڭغۇ چاھقا تاشلاندى. ئېرىشكەن ھەممە ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم بولدى. شۇ تاپتا ئۇ ئالتۇن تەختتە ياكى يەتتە قات كىمخاب تۆشەكتە ئەمەس، نەم پاخال ئۈستىگە سېلىنغان كونا كىگىزدە مۈكچىيىپ ئولتۇراتتى. ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتى، ھېچنېمىمۇ قىلالمايتتى. ئەلھال، ئۇ دۇنيادا ئەڭ ئاجىز، بىچارە ئىدى. ھەممە يېرى ئاغرىيتتى، قوپقۇچىلىك ھالى يوق ئىدى. قۇرۇق خۇ تۇتۇپ ماغدۇرى ئۈزۈلگەنىدى. لەۋەن رۇخسارىدىن ئەسەر قالمىغاندى.
قان داغلىرى ئۆيۈپ قالغان ئېتەككە بىردىن غىل - پال
يورۇق چۈشتى. ئۇ چۈچۈك چاچلىرىنى بىر يانغا قايرىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆز سالدى. چاھ ئاغزى ئېچىلغانىدى. بارا - بارا كۆز ئالدى سوزۇلۇپ، ئۆمۈچۈك تورلىرى چىرمىشىپ كەتكەن، قۇرت - قوڭغۇزلار مىغىلداپ يۈرگەن چاھ تېمىنى، ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ پەسلىۋاتقان سۆھەتنى كۆردى. سۆھەت پەسلەپ - پەسلەپ بېشىغا تەگدى.
— جۇۋاينىمەك! ئەجەب ئاغرىدا، — ئۇ ۋاي - ۋايلاپ سۆھەتنى تۇتۇۋېلىپ قۇچىقىغا ئالدى. قىزىرىپ مىچىلداپ كەتكەن بۇرنىغا مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى. ئۇ سۆھەتتىن چۆگۈن بىلەن جامنى ئېلىپ يېنىغا قويدى. داستىخاننى ئاچتى. كاۋاپ قىلىپ پىشۇرۇلغان بىر قىرغاۋۇل، بىر تاۋاق پولونى كۆرۈپ ئاغزىغا سېرىقسۇ كەلدى. ھەر كۈندىكىدەك تېرىق ناننى، ئارپىنىڭ ئۇمىچى بولماي، ئېسىل تائام ئىكەنلىكىدىن ئەجەبلەنگەن قۇماربىكەنىڭ قوقاق چىقىپ شەلۆھەرەپ قالغان كالپۇكلىرىدىن شالى ئاقتى. ئويلاپ تۇرماي ئاچ كۆزلۈك بىلەن پولوغا قول تىقتى. كاۋاپنىمۇ يەپ، چاينىمۇ ئىچىپ مۆگدەشكە باشلىدى.
— خانىش، ئالتۇن تارىم…
قۇماربىكە چاپاق باسقان كۆزلىرىنى ئاچتى. «چۈش كۆرۈۋاتامدىمەن نېمە؟ بىرسى خانىش، ئالتۇن تارىم، دەپ چاقىرىۋاتىدۇغۇ…» ئۇ ئويلاپ يۇقىرىغا باقتى. چاھ ئاغزىدا ئېگىشكەن يېتتى گۈلەم تۇراتتى.
قۇماربىكە چۆچۈپ كېتىپ، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ سەپالدى.
— ئالتۇن تارىم، بۇ مەن — كېنىزەكلىرى گۈلەم، يوقلاپ كەلدىم.
— گۈلەم؟ سەن بەدەشئارت داۋاننىڭ ئۇ تەرىپىكى دەشتتە قالمىغانمىدىڭ؟ — قۇماربىكە ئۇنى تونۇپ ئەجەبلىنىپ
سورىدى. گۈلەم جاۋاب بەرمەي جىمىپ كەتتى. — گۈلەم! — قۇماربېك ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، توۋلىدى. — لەۋھەي①، ئالتۇن تەرىم. — نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ مېنى بۇ ھالدا كۆرۈپ خوش بولۇۋاتامسەن يا؟ — ئۇنداق ئەمەس، خانىش. ئۆزلىرىنى بۇ ھالدا كۆرۈپ ئېچىنغانلىقىمدىن تۇرۇپ قاپتىمەن. ئوردىكەنتكە قانداق كەلگىنىمنى بەلگۈلىرى بولسا دەپ بېرىي، — گۈلەم چاھ ئىچىگە بەكرەك ئېگىشتى، — ئالتۇن تەرىم، ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. كىچىكىمدىن خىزمەتلىرىدە بولۇپ، تۇزلىرىنى يەپ چوڭ بولدۇم. سىلىنى بۇ ھالدا كۆرەرمەن دەپ ھېچقاچان ئويلىمىغانىدىم. تەقدىر — قىسمەت شۇنداق بولسا كېرەك. مېنى ئاتاساغۇن بۇۋىئايىشە خېنىم قۇتۇلدۇرۇۋالدى، داۋالاپ ساقايتتى، ئوردىكەنتكە ئېلىپ كەلدى. ئونىڭدىن ئەھۋاللىرىنى ئۇقۇپ، يوقلاپ كەلدىم. — ئۇ ئاتاساغۇندىن سوراپ كەلدىڭمۇ، ياكى ئونىڭدىن يوشۇرۇنچە كەلدىڭمۇ؟ راستىنى دە، كېلىشتىكى غەرىزىڭ زادى نېمە؟ — سوراپ كەلدىم، خانىش. كېلىشتە باشقا غەرىزىم يوق. ئاخىر بىر قەرىنداش بىللە ئۆتتۇق ئەمەسمۇ، سېغىندىم، كۆرگۈم كەلدى. — ئۇ ئەجەب ماقۇل بوپتىغۇ. — خۇدا ئۈستىمىزدە تۇرۇپتۇ، ئالتۇن تەرىم، بۇۋىئايىشە خېنىم سۆزۈمنى ئاڭلاپ، «ساداقىتىڭىزدىن تەسىرلەندىم. ھايات يولىدا خاتالاشمايدىغان ئادەم بولمايدۇ. بېرىڭ، قۇماربېكنى يوقلاپ نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ» دېدى.
① لەۋھەي — لەببەي سۆزىنىڭ سىلىق ئېيتىلىشى.
— رەھمەت، گۈلەم. مەندەك باغرى تاش خوتۇننى يوقلاپ كەلگىنىڭگە رەھمەت. ئايچىچەك، ئاناچىلارنى كۆردۈڭمۇ؟ — كۆردۈم، ئالتۇن تارىم. ئۇلار ئەھۋالغا تېگىشتى. — ئەھۋالغا تېگىشتى؟ ئابىنچۇ خوتۇننىڭ كېنىزەكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدىمۇ ئۇلار؟ — ئۇلار توۋا قىلىپ ئەپۇ قىلىشقا ئېرىشتى. ئېتىبارغا ئېرىشىپ كاتتا سەرۋازلارغا تېگىشتى. ئۆزلىرىمۇ توۋا قىلىپ ئەپۇ سورىسىلا، بۇغرا قاراخان گۇناھلىرىدىن كېچىشى مۇمكىن. — بەس! نېمە دەۋاتىسەن؟ ئاغزىڭنى يۇم! ئالدىڭدا بەزى گۇناھلىرىمنى تەن ئېلىپ قويسام، ئۆزۈڭدەك چاغلاپ قېلىۋاتامسەن نېمە! بىلىپ قوي، مەن ساڭا پەقەت ئوخشايدىغان ئابىنچۇ خوتۇن. مىجەز خۇيۇم ساڭا ئوخشايدىغان، تېنىم پەس بولسا، دېدەك كېنىزەك بولماي، خانىش، ئالتۇن تارىم بولالامدىم؟ قان بىلەن تېنىمگە كىرگەن خۇيۇم جان بىلەن چىقىدۇكى، ھايات چېغىمدا ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. بۇغرا قاراخان ئالدىدا توۋا قىلىشقا غۇرۇرۇم ھەرگىز يول قويمايدۇ. غۇرۇرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ سەندە غۇرۇر بولمىغاچقا، قۇل كېنىزەك بولۇشقا ماقۇل بولغانسەن. غۇرۇرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي، كىم كۈچلۈك بولسا، شۇنىڭغا باش ئېگىپ جان بېقىپ كەلدىڭ. غۇرۇر دېگەن ئېگىلمەس سۇنماس ئىرادەدۇر. مەن ھەممە ئىشنى ئەنە شۇ غۇرۇر بىلەن قىلغان. باش ئەگمىگەن، باش ئەگدۈرگەن. بۇ قاراڭغۇ زىنداندىمۇ زۇلۇمغا باش ئەگمەي غۇرۇرۇم بىلەن ئۆلىمەن، ماڭ، كەت! ماڭا نەسىھەت قىلغۇچى بولما ئەخمەق! — قۇماردىككە چاي ئىچىپ بولۇپ، چۆگۈن، جام قاچىنى داستىخانغا ئوراپ سېۋەتكە سالدى، — تارتىۋال بۇ نېمىنى. ئىككىنچى قېتىم كەلمە! ئۇنىڭغا چاھ ئاغزىدىن قاقاھلىغان كۈلكە ئاڭلاندى. ئارقىدىن
تۈكۈرۈلگەن تۈكۈرۈك ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشتى.
— سەن ئابىنچۇ خاتۇن ئادەم ئەمەس ئالۋاستى ئىكەنسەن. بىر ماڭا قىلغان شۇنچە كۆپ ئەسكىلىكلىرىڭنىمۇ كەچۈرۈپ، ياخشى نىيەت بىلەن يوقلاپ كەلسەم ئازار بەردىڭ. تۈپۈ! توۋا قىلماس شەيتان خاتۇن، بىلىپ قوي! تەڭرى، ئەقىل - پاراسەتنى ئىنسان بەتخۇي - بەتنىيەتنى ئۆزگەرتىپ ھىدايەت تاپسۇن، دەپ بەرگەن. يەنە شۇنىمۇ بىلىپ قوي! ئەتە، ئاجايىپ بىر كۈن بولىدۇ. تاج كىيىپ تەختكە چىققان بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرى بىلەن چالما - كېسەك قىلىنىسەن. گۇمراھ پېتى بۇ دۇنيادىن كېتىپ دوزاخقا تاشلىنىدىغان بولدۇڭ. تۈپۈ بەتبەخت! تۈپۈ!…
ئۈچىنچى قېتىم بېشىغا تۈكۈرۈك چۈشۈپ، چاچ ئاغزى يېپىلىپ قالدى. زۇلمەت قۇماربىكەنى چىرمىۋالدى.
— گۈلەم - گۈلەم! — دەپ توۋلىدى ئۇ باش - يۈزىدىكى تۈكۈرۈكنى قولى بىلەن ئېرتىپ. ئۇ ئولتۇرماق بولۇپ، سەنتۈرۈلۈپ، چاھنىڭ شېغىللىق تېمىغا ئۈسۈۋالدى. ئۇنىڭ سەت ئاۋازى چاھتىن يىراقلاپ كەتكەن گۈلەم ئاڭلىمىدى. ئەتراپىنى خوخا تىكەن بېسىپ كەتكەن يەنە بىر چاھتىكى بوزاغۇ ئاڭلاپ ئۈركۈپ كەتتى: «ۋوي، بۇ سىڭلىم قۇماربىكەنىڭ ئۈنىغۇ. نېمەنچە چىڭ ۋاقىرايدىغاندۇ؟ يالغاندىن بولسىمۇ توۋا قىلىپ، ئۆزىمۇ، بىزنىمۇ بالا - قازادىن قۇتۇلدۇرۇش كويىدا بولماي، نېمىشقا جار سالىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ، پۇتىدىكى تۆمۈر كىشەننى جاراڭلىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپلا، قىستىلىپ ئۆلتۈرۈپ قالدى. ئۇ ياداپ بىر تېھرە - بىر سوغۇق بولۇپ قالغانىدى. غالجىر ئىت ئۆز قۇيرۇقىنى ئۆزى تالىغاندەك ئۆزىنى ئۆزى تىللايتتى: «ھارامزادە خۇنپەر! نېمىشقىمۇ ئابىنچۇ خاتۇننىڭ گېپىگە كىرگەنسەن؟ ئاكسى تۇرۇپ بىرەر قېتىممۇ سۆزۈڭنى ئۆتكۈزەلمەي، سېزىپ قويغان سېزىقتىن چىقالمىدىڭ. ئاقىۋەت «بارار يېرىڭ ئەسكى سامانلىق» دېگەندەك زىندانغا تاشلاندىڭ.
ھو، ئۆزىنى بىلمىگەن ئەبلەخ! يامان نىيتىڭ بېشىڭغا چىقتى. يوغۇرۇش بېشى بولغىنىڭدا، ئالۋاستى سىڭلىڭنى گەپكە كىرگۈزۈپ، بۇغرا قاراخانغا قەست قىلمىغان بولساڭ، بۇ كۈنگە قالمايتتىڭ، دۆت! ئەمدى كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆر…»
بوزاغۇ ئاقارغان چاچلىرى چۈشۈپ تاقىرباش بولۇپ قالغان بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرغىنىچە، ئۆزىنى كاچاتلاپ كالىدەك ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى.
يىلاندەك كۆشۈلدەپ ئېسقىرتقان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇ چاھ ئاغزىغا قارىدى، تاش يانقۇ ئېلىنمىغاچقا ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى.
بۇ ئېسقىرتقان ئۇنىڭغا يانداش چاھ ئىچىدە ياتقان مۇڭسۇز ئىدى. ئۇنىڭمۇ قورام تاشتەك ئۈچۈلۈق ئېگىزلىكتىكى ئۆزۈن قارا تۈك ئاقىرىپ، قىل يىلاندەك تولغىنىپ تۇراتتى. قاتاغۇر سوزۇنچاق يۈزى ئاۋاقلىشىپ، چىقىر كۆزلىرى قۇدۇقتەك ئۆلتۈرۈشۈپ كەتكەنىدى. بوينىدا تاقاق، پۇتىدا تۆمۈر كىشەن بولۇشىغا قارىماي، تۇرۇپ - تۇرۇپ سەكرەپ - سەكرەپ قوياتتى. ئۇ قۇماربىكەنىمۇ، بوزاغۇنىمۇ تىنمىماي تىللايتتى: «سەن قۇمارى ئابىنچۇ خاتۇن، ئەرنى راھەتلىندۈرۈش، ھىيلە - مىكىر قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىكەنسەن. ھەي ھەسەت! سېنى يەنە بىر قېتىم باسىمىداپ ھۇزۇرلىنىۋالسام ئارمانىم قالمايتتى. ئۆز سېنىڭگە ئويناتىمەن، دەپ ھەممىمىزنى ئوتقا قويدۇڭ. نىجىس ئەقلىمگە مىڭ كاچات…»
ئۇ توختىماي ئۆزىنى كاچاتلاپ، ئىككى مېڭىزىدىن قان چىقىرىۋەتتى. يەنە شۇملۇقنى چىللاپ ئېسقىرتىپ تۇردى…
ئۇ تەرەپتىكى چاھتا دۇم يېتىپ يىغلاۋاتقان بۆگۈشنىڭ قۇلىقىغا يىلان ئېسقىرتقاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇ ئالاق - جالاق بولۇپ يان - يېنىغا قارىدى. ھېچنېمىنى كۆرەلمەي يەنە دۇم ياتتى: «مەن نېمىشقا بۆگۈ بىلگە بەگىئۈسۈپ ھەزرەتلىرىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاپ، تىنچ جاھاندارچىلىق قىلماي، بوزاغۇغا
غالىبلىق قىلىپ ئابىسېنچۇ خوتۇننىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەندىمەن؟ چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، ساغرىسىنى بىرەر قېتىممۇ سىلاتقۇزمىدى ئۇ چىشى يولۋاس. كاساپەتكە ئالدىنىپ ياتقان جايىم مانا زىندان بولدى. ئېسىت - ئېسىت، بىر خوتۇن ئالالماي دۇنيادىن ئارماندا كېتىدىغان بولدۇم. ئېسىت…»
ئۇنىڭ يىغا ئارىلاش قىلغان نالىسى يەنە بىر چاغتا ئاقارغان ساقىلىنى تۇتاملاپ ھەسرەت چېكىۋاتقان ھوشۇربەگكە ئاڭلاندى. «ئۇلۇغ ياراتقۇچى تەڭرىم، پېقىر قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈسلا. مەن ئۆزلىرىگىمۇ، پادشاھىمغىمۇ سادىق بولالمىدىم. بوزاغۇننىڭ كەينىگە كىرىپ، سويقەست بىلەن شۇغۇللاندىم. بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈم. پەرزلىرىمنى ئادا قىلالمىدىم. ئەمىرلىرىگە بويسۇنمىدىم. توۋا، مىڭ توۋا. گۇناھىمدىن ئۆتۈپ جېنىمنى ساقلاپ قالسىلا، خۇدايىم. توۋا، مىڭ مەرتەم توۋا…»
ئۇنىڭ ئىلتىجاسى تۈگىمەي، تاش يانقۇ ئېچىلىپ، بوينىدىكى تاقاقتا يورۇق پەيدا بولدى.
— ھوشۇر، ماۋۇ ئارقانغا ئېسىلىپ چىق! — دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
«ئەمدى دارغا ئېسىلىدىغان بولدۇم» دەپ ئاستا تۇرغان ھوشۇربەگ نەچچە يەردىن توقۇناق قىلىپ چىگىلگەن قىل ئارقانغا ياماشتى. چاھ ئۈستىگە چىقىپ، بىر قانچە ياساۋۇل بىلەن تۇرغان زىندانبەگنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى.
— گۇناھىمدىن ئۆتۈسلا بەگىم، مەن توۋا قىلاي.
— ئورنۇڭدىن تۇر، مۇناپىق! سەن توۋا قىلىدىغان پۇرسەت ئۆتۈپ كەتتى. كۆتۈڭگە پوق كۆپۈشكەن چاغدا قىلغان ئىلتىجاڭنى تەڭرى قوبۇل قىلمايدۇ!
— ماڭ! — دېدى زىندانبەگ.
ئۇ ھوشۇربەگنى زىندان سوراقخانىسىغا ئېلىپ كىردى.
بۇ يەردە بەگىيۈسۈپ، ئوردا كۇتۇۋال بېگى ھەم قەشقەرنىڭ قازى، ئەئلەملىرى، ياساۋۇللار بار ئىدى.
ھوشۇربەگ كىرىپلا پەگاھتا تىزىلاندى.
— گۇناھىمدىن ئۆتۈسلىە ھەزرەتلىرىم، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىشسىلە، — دېدى ئۇ كالتە پۇتلۇق شىرەگە كۆز سېلىپ ۋە باش قويغان ھالدا، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئەربابلارغا خوشامەت قىلدى.
— سەن گۇناھىڭنى بىزدىن تىلىمەي، ئۇلۇغ مەغپىرەت ئىگىسى ئاللاھدىن تىلە، — بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭغا نەپرەت كۆزى بىلەن تىكىلدى.
— ماقۇل، ماقۇل، بۈگۈنكىدەك ھەزرەتلىرى. قىلغانلىرىمنىڭ گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى بىلمەي، بوزاغۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىپ كەلگەنىدىم. ئەمەلىيەتتە، قىلغانلىرىمنىڭ بىرىمۇ ساۋابلىق بولماي، گۇناھ ئىكەنلىكىنى تونۇۋاتىمەن.
— زىندانغا تاشلانغاندىن بېرىمۇ، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تونۇغانمۇ؟
— ھەزرەتلىرى، راستىمنى دېسەم زىندانغا تاشلانغاندىن بېرى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن گۇناھىمنى تونۇغان بولسام، ئابىنچۇ خاتۇننىڭ قەستىنى ئاشكارىلىغان، بوزاغۇنى تۇتۇپ بەرگەن بولاتتىم. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، — ھوشۇربەگ يەرگە باش ئۇرۇپ يىغلىدى.
— بولدى قىل، مۇناپىق. زىندانغا قامالماستىن بۇرۇن توۋا قىلىپ گۇناھلىق قىلمىشتىن قول ئۈزگەن بولساڭ ئاللا سېنى مەغپىرەت قىلاتتى. بىزمۇ كەچۈرەتتۇق. ئەمما، ئەھال گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ كېتىپسەن. سېنى قانداقمۇ ئەپۇ قىلغىلى بولسۇن. ئوردىكەنت قازىسى ساڭا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاڭلا! — بەگىيۈسۈپنىڭ ئۈنى كېسكىن چىقتى.
ھوشۇربەگ تىزلانغانچە كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ نېمە
قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئاق شاپى سەللە ئوراپ، مۇۋۇت تون كىيگەن قازى ئاخۇن سوراقنى ئاخىرلاشتۇردى. رەڭگى سەبزەردەك سارغايغان ھوشۇربەگ ئىككى تىزى دىرىلداپ ئولتۇرۇپ قالدى. — تۇر ئورنۇڭدىن ئەبلەخ! ئوردىكەنت دەرۋازىسىنى بوزاغۇغا ئېچىپ بەرگەن گۇناھىڭ ئۈچۈنلا سېنى چېپىپ ئۆلتۈرسە ھەق بولىدۇ، ماڭ، چىق! — دېدى كۆتۈۋالبەگ. قاراۋۇللار ئۇنى سۆرۈگىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۆگۈش يالاپ ئېلىپ كىرىلدى. — ھەزرەتلىرىم بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىشكىلا، — دېدى ئۇمۇ تاتارغان ھالدا تىز پۈكۈپ. كۆتۈۋالبەگ ئۇنى سوراق قىلدى. ئۇ ئوقۇرمەنلىرىمگە مەلۇم بولغان ھەممە جىنايەتلىرىگە ئىقرار بولدى. ئۇ يېلىنىش نەزىرى بىلەن بەگىيۈسۈپكە قارىدى. تېگى پەس، زىدمۇ پەس بۇ ئاسىيغا سۆز قىلىپ ۋاقىتنى زايه قىلىش ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى غەزەپ بىلەن شىلتەپ قويدى. قازى ئاخۇن ئۇنى جىنايەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئىقرار قىلدۇرۇپ، سوراقنى بولدى قىلدى. بۆگۈش نالە — پەرياد ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتتى. قاراۋۇللار ئۇنى سۆرەپ چىقىپ چاھقا تاشلىدى. مۆڭسۈز ئېلىپ كىرىلدى. سوراق داۋامىدا ھەممە قىلمىشلىرىدىن زادىلا تانمىدى. ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن ئاۋۋال قازى كالانغا، ئاندىن كۆتۈۋالبەگكە بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ قارىدى — يوق، شۇملۇق يېغىپ تۇرغان نەزىرىنى بەگىيۈسۈپكە تىكتى. — مۇشۇ بۆگۈ بىلگىنى ئۆلتۈرگەن بولسام ئارمانىم قالمايتتى. ئەپسۇس، ئەپسۇس، — دەپ نادامەت قىلىپ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى، — سىلەر مېنىڭ قانخور جاللات ئىكەنلىكىمنى، نۇرغۇن ئادەمنى چاپقۇن قىلغانلىقىمنى بىلىسىلەر. ئەمما، مېنىڭ بىر بۆدۈنەست قىساسكار
ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسىلەر. مەن قاراخانىيلار ئېلىنى گۇمران قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قانخورلۇق قىلدىم. مەن دەسلەپ ئەسىر چۈشكەندە، خاقانلار يىگىرمە تۆت قېتىم سەركەردىلىك ماڭا ئۆلتۈرگۈزگەنىدى. مەن ئىككى يۈز قىرىقتىن ئارتۇق ياغما، قارلۇق ئۇيغۇرلىرىنىڭ تېگىن، مەلىكە، خانىش، سەركەردىلىرىنى، بۈگۈ بىلگە، بۇغۇچىلىرىنى ئۆلتۈردۈم. ھەر قانچە قىلىپمۇ، قاراخانىيلار ئېلىنىڭ بۈگۈ بىلگىسى بەگىيۈسۈپتەك تۆھمەتنى ھەرگىز يېمىدىم. ئاخىر، كۆتۈمگەندە ئەسىر چۈشۈپ قالدىم. ئۆلتۈرەمسىلەر، چاپامسىلەر، ماڭا بەرىبىر. باشتا ئېيتقىنىمدەك مەن مۇسۇلمان ئەمەس. بۇددا دىنىغا سادىق قىتەنمەن. مانا كۆرۈپ قويۇش! — مۆچسۈز زەنجىرلىك تۆمۈر قىسماق سېلىنغان قوللىرى بىلەن بوينىدىكى تاقاقنى قايرىپ ئىككى پارە قىلىۋەتتى.
كۆتۈۋالبەگ قىلىچىنى سوغارغانىدى، بەگىيۈسۈپ تۇتۇۋالدى:
— ئۇ ھېچنېمە قىلالمايدۇ. مېيىپكە قويۇۋېتىڭ.
مۆچسۈز ياقىسىنى ئايرىپ بوينىغا ئېسىلغان ئالتۇن بۇتنى كۆرسەتتى:
— مېنى بۇ ئىلاھىم ئوت ئىچىدە كۆيدۈرمەي قاراخانىيلارنىڭ جازاسىدىن ساقلاپ كەلدى. ئۇ مېنى ئالدىغا چاقىرماقتا. مېنىڭ باشقا دەيدىغىنىم يوق. تاقاقنى مىخلاپ قويۇڭلار، يۈرىكىڭلار ئورنىغا چۈشسۈن! — دېدى مۆچسۈز كۆزلىرىنى چەكىچە يەتكۈنچە غادىيىپ تۇرۇپ.
— راستچىللىقىڭ ۋە بىزنى ھوشيار قىلىپ قويغىنىڭ ئۈچۈن بوينۇڭغا تاقاق سالمايمىز. سەن «بۇت ئىلاھىم مېنى ئوت ئىچىدە كۆيدۈرمەي قاراخانىيلارنىڭ جازاسىدىن ساقلاپ كەلدى» دېدىڭ. شۇ گېپىڭ راست بولسا، بۇ قېتىم ئوتتىن سېنى ساقلاپ قالغىنىنى بىر كۆرەي، — دېدى بەگىيۈسۈپ. غەزەپ كۈلكىسى ئۇنىڭ چىرايىنى سۈرلۈك قىلىۋەتتى، — دۇنيادىكى قانخور زالىملار جازالانماي قالغان ئەمەس، بۇ ئالتۇن بۇتۇڭ سېنى بۇ
قېتىمقى ئادىل جازادىن ھەرگىز قۇتۇلدۇرالمايدۇ.
قازى ئاخۇن غەزەپ ئاچچىقىدىن چاچراپ تۇرۇپ، دەررە بىلەن مۆھسۈننىڭ تۈگمەن چىشلىق ئاغزىغا بىرنى سالدى.
جازانىڭ ئەتە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان مۆھسۈننىڭ چېھرى قارىداپ كەتتى. ئۆزىنى قورقۇمسىز سانايدىغان بۇ قانخور جاللات: «بىر كۈنلۈكلا ئۆمرۈم قاپتۇ» دەپ، دەلدۈگۈنۈپ سوراقخانىدىن چىقتى.
يالاپ ئېلىپ كىرگەن بوزاغونىڭ كۆزى بەگىيۈسۈپكە چۈشۈشى بىلەنلا غالىلداپ تىترەپ تېزلاندى. سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكچى بولدى - يۇ، لەۋلىرى قىمىرلىغان بىلەن ئاغزى زۇۋانغا كەلمىدى. شۇنداق مەغرۇر، كاززاپ بۇ زالىم مۈشۈك تۇتۇۋالغان چاشقاندەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. كۆزلىرىدىن ياش چىققان بولسىمۇ، ئاغزىدىن ئۈنى چىقمىدى. قازى ئاخۇن: «سۈكۈت قىلغىنىڭ - ئىقرار قىلغىنىڭ» دەپ سوراقنى توختاتتى.
جېنىدىن ئۈمىد ئۈزگەن بوزاغۇ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، بەگىيۈسۈپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قارا پەردىجىگە ئورالغان قۇماربىكەنى يالاپ ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭمۇ پۇتىدا كىشەن، قولىدا زەنجىرلىك قىسماق، بوينىدا تاقاق بار ئىدى. ئاران مېڭىپ كىرگەن قۇماربىكە دەرپەردە كەينىدە ئۆرە تۇردى. تېزلىنىشلى غۇڭىمدى.
- مەيلى تۇرۇۋەرسۇن، - دېدى بەگىيۈسۈپ كوتۇۋالبەگ بىلەن كۆز سوقۇشتۇرۇۋېلىپ، - بىز بەخىرامان ئولتۇرغاندا، سىزنىڭ غەم - قايغۇ ئىلكىدە ئۆرە تۇرۇشىڭىز تېزلانغان بىلەن باراۋەر. سىز ھازىر ئامالسىز، ئادالەت ئالدىدىكى جاۋابكار. ئەمىرىڭىز بىلەن نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر بېشىدىن جۇدا قىلىنغان، بۈگۈن بىلەكلىرىنىڭ قوللىرىغا زەنجىرلىك قىسماق، پۇتلىرىغا كىشەن، بوينىلىرىغا تاقاق سېلىنغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تەقدىرىڭىز قىسمىتى ئۆزگەردى. كۇتۇلۇپ، ئاسىرىلىپ كەلگەن
نازۇك - ئەۋرىشىم تېنىڭىز ئاشۇنداق مۇدەھىش جازاغا گىرىپتار بولدى. ئەلھال، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسىز؟
قۇماربېكە نېمىشقىدۇر پەرەنجىسىنى قايرىپ مېيىقدا كۈلۈپ قويدى. دەربەردىنىڭ ئالدىدىكىلەر بۇنى كۆرمىدى.
-
مېنىڭ دەۋرىم ئاخىرلاشتى، بەگىيۈسۈپ. مېنىڭ مەرھۇم بىلەن بۇغرا قاراخان باشلىق قاراخانىيلار ئارسلانخانلىرىنىڭ، خانلىق ئەربابلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنى راست. ئاز بولمىغان بۆگۈبىلگە، بۇغۇغلارنىڭ زىندانغا تاشلانغىنىمۇ راست. ئەمما، ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، سىز ھايات قالدىڭىز. ياغمىلار يەنە ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقتى. مەن كىشەن - تاقاققا بەند قىلىندىم. بۇمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. تارىخقا نامىنى يازماقچى بولغان ئادەمنىڭ تەقدىرى ئىككى خىل بولىدۇ. يا نۇسرەت قازىنىدۇ، يا مەغلۇپ بولىدۇ. مەن مەغلۇپ بولدۇم. مەغلۇپلار قاتارىغا نامىم يېزىلدى. ئەمدى ماڭا قانداق جازا بەرسەڭلار كەلسە، شۇنداق جازا بېرىڭلار. مەن رەھىم قىلمىغانىدەك، سىلەرمۇ ماڭا رەھىم قىلماڭلار. مەن ئۆلۈپ بولغان خانىش مەن. ئۆزۈمنى يەنە شۇنداق ھېس قىلىۋاتىمەن.
-
سىز ئېرىڭىزگە پەقەت خىيانەت قىلمىغانمۇ؟
قۇماربېكە بىرىنچى قېتىم بېشىنى تۆۋەن سالدى. ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن ئاستا جاۋاب بەردى:
- مەن كۈچلۈك شەھۋەتخورنىڭ ھۇجۇمىغا ئاجىز كېلىپ، ئىككى قېتىم ئېرىمگە خىيانەت قىلدىم، شەرمەندە بولدۇم. ئاياللارنىڭ ئەرلەر ئالدىدا ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزۈمدىن بىزار بولغان ئابىنچۇ خاتۇنمەن… بۇنى سوراپ ئەزرائىلدىن بۇرۇن جېنىمنى ئالدىڭىز، بەگىيۈسۈپ. بۇ ئىقرارىمدىن مۇشۇ دەم تازىمۇ خۇشال بولۇۋاتقانسىز. ئەمدى يوشۇرۇپ نېمە قىلاي؟ - ئۇ قارا چۆمپەردىنمۇ، دەربەردىنمۇ قايرىۋەتتى، - ئابىنچۇ خاتۇننىڭ جامالىنى بىر كۆرۈشكە قىزىققان بولغىيدىڭلار، كۆرۈۋېلىڭلار. لېكىن، بۇ ئالتۇن تارىم
قۇماربىكەنىڭ ساھىبجامالى ئەمەس. — تۇفۇ شەرمەندە، — قازى ئاخۇن ئۈچۈشكە يۈز تۇتقان شامدەك، خىرە كۆكۈچ نۇر پىلىلداپ تۇرغان كۆزلەرگە قارىدى — ياق، بېشىنى تەۋرەن قىلىۋالدى: «كاساپەت، كىشەن، تاقاق بىلەن تۇرسىمۇ ئۆز كۆرۈنىدىكەن…» كۆتۈۋالبەگ سەپىپلىپ قاراپ: «مۇبادا ئۆزۈم يالغۇز سوراق قىلغان بولسام ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدىكەنمەن» دەپ قالدى. — بەس، ئابىنچۇ خاتۇن! سىزگە ھېچكىم قىزىقمايدۇ، — بەگىيۈسۈپ تارتىپ دەرپەردىنى يېپىۋەتتى. قازى ئۇنىڭ بارلىق جىنايەتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ: — سوراق ئاخىرلاشتى، ئابىنچۇ خاتۇن! — دېدى. قۇماربىكە چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان پېتى چۈمپەردىسىنى تاتارغان يۈزىگە تارتىپ، سوراقخانىدىن چىقتى. زىندانبېگى قاراۋۇللىرى بىلەن ئۇنى يالاپ ئاپىرىپ چاھقا چۈشۈردى. ئۇ پاخال ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يۇم — يۇم يىغلىدى. مۇھەممەد ئارسلانخانغا ئۈمىدسىزلىك سۈنگەن ئاشۇ ئامەتلىك كۈندىن باشلاپ راھەت — پاراغەتكە يۈزلىنىپ ھۆكۈم سۈرگەنلىرى يادىغا كېلىۋېلىپ كېچىچە كۆز يۇممىدى. سەھەردىلا چاھ ئاغزىدىن تاش يانقۇ ئېلىندى. ئۇنىڭ ياش ئېقىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئېتەككە يورۇق چۈشكەن چاغدىمۇ يېشى توختىمىغانىدى…
3
— بۇغرا قاراخان بىلەن بۇغراخانغا تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىنى كۆرسەڭ رۇھلىنىپ قالاتتىڭ ئوغلۇم. — روھلانمامدىغان. ئۆز قۇۋمىدىن چىققان ئالىپ تېگىنلەرنىڭ تاج كىيىپ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئېلىنىڭ بۇنداق قۇتلۇق سائادىتىدىن نېمىشقا
روھلانمىسۇن پېدەر؟ كۆرگەن بولسام بېشىم ئاسمانغا يەتكەن بولاتتى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، كۆرەلمەي ئارماندا قالدىم.
— مەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئالتە بۇغرا قاراخاننىڭ تاج كىيىپ تەختكە چىققانلىقىنى كۆردۈم، بالام. بىرىنچىسى مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ. ئىككىنچىسى سۇلايمان ئارسلانخان. ئۈچىنچىسى مۇھەممەد ئارسلانخان. تۆرتىنچىسى ھۈسەيىن ئارسلانخان. بەشىنچىسى ئىبراھىم تېكىن. ئالتىنچىسى توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان. سەن — بىر پادىشاھنىڭمۇ تەختكە چىققانلىقىنى كۆرەلمىگەن بەختسىزلەردىن سەن. شۇنداقتىمۇ ئۆز قېنىڭدىن بولغان پادىشاھقا سادىق بولۇشۇڭ، ئۇنى ھەر ۋاقىت پىداكارلىق بىلەن ھىمايە قىلىشىڭ، ئەمىر — پەرمانلىرىنى بەجاندىل ئادا قىلىشىڭ لازىم ئىدى. بۇ چاغقىچە بۇغرا قاراخاننىڭ تەختكە قانداق چىققانلىقىنى سەپەردە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن كۆرەلمەي كەلگەچكە نادان قەلبىڭدە ئۇلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت — ساداقەت پەيدا بولمىغانلىقتىن ئەمىر — پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلالمىغاندەكسەن…
— پېدەر بۈزرۈكۋار…
— گېپىمنى بۆلمە! مېنى «پېدەر بۈزرۈكۋار» دەپ خەقنىڭ تىلى بىلەن ھۆرمەتلىمەي، ئۆز ئانا تىلىمىز بىلەن «ئاتام!» دەپ ئاتاپ قەدرىمگە يېتىشىڭ كېرەك. قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا! بەلكىم بۇ ئاخىرقى قېتىم ساڭا قىلغان نەسىھىتىم بولۇپ قالار. بىلمىگەن بولساڭ بىلىپ قالغىنكى، سەن بۇ ۋاقىتقا قەدەر بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمىر — پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئاسىيلىق قىلدىڭ، باجنى تاپشۇرمىدىڭ ياكى خىيانەت قىلىپ ئاز تاپشۇردۇڭ، بۇ ئەلگە قىلىنغان ۋاپاسىزلىق. ئۆز پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلغان، ئەلگە ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەمنى نەھس باسىدۇ. جازاغا ئۇچرايدۇ. مال — مۈلكىدىن، ھەتتا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ. ئاڭلاۋاتامسەن ئوغلۇم؟
— ئاڭلاۋاتىمەن، ئاتا.
761
بەگتاش جالالىدىن بالىخانا ئۆيىدە بەگتاش جېلىلنى ئېغىز ئاچۇرماي تەنبىھ بېرىۋاتاتتى.
— سەن دىنىمىزغىمۇ سادىق بولالمىدىڭ، ئوغلۇم، — دېدى ئاتا كەسكىن قىلىپ، — ئۆشرە - زاكاتنى بەرمىدىڭ. شۇڭا، تۈنۈگۈن ئېلىپ كەلگەن ناپاك سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىدىم. توۋا قىلىپ دىلىڭنى، زاكات بېرىپ مال - مۈلكۈڭنى پاكلىشىڭ ھەممىدىن زۆرۈر. بۇنىڭسىز يىغقان مال - مۈلكۈڭ ھالال بولمايدۇ، بىلدىڭمۇ؟
— بىلدىم، — بەگتاش جېلىل پۇشايمان قىلغان كەبى ئېگىرتەندى.
— ياق، ياق! تېخى بىلىپ بولالمىدىڭ. چۆشتىن كېيىن دىنغا، پادىشاھقا، ئاۋام خەلققە ئاسىيلىق قىلغان قارا نىيەت مۇناپىقلار جازاغا تارتىلىدۇ. ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جازا مەيدانىغا بېرىپ كۆرۈشۈڭ كېرەك. ئىنسان ئىبرەت - ساۋاق ئالماي تۇرۇپ ھەقىقىي ئادەم بولالمايدۇ. دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولۇش قىيىن. بەزىلەر ئىبرەت - ساۋاق ئېلىشتىن قورقماي ئادەم بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەيدۇ. بەزىلەر جازالىنىپ پۇت - قوللىرى كېسىلگەندىن كېيىن ئادەم بولىدۇ. بەزىلەر گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپ، دارغا ئېسىلىدۇ ياكى چېپىلىدۇ. مەن سېنىڭ ئادەم بولالماي، پۇت - قولۇڭدىن ياكى جېنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن، بالام. بۈگۈن جازا مەيدانىغا بېرىپ ئىبرەت، ساۋاق ئېلىپ دىلىڭنى، مېلىڭنى پاكلاشقا ئىرادە باغلا. بولمىسا ئاقىۋىتىڭ ئۇ گۇناھكارلاردىن بەتتەر بولىدۇ، — بوۋاينىڭ سۆزى ناھايىتى كەسكىن ۋە قەتئىي بولدى.
— ئاتا، مەن بۇ ۋاقىتچە گۇناھكارلارنىڭ جازالانغىنىنى يېقىندىن كۆرمىگەندىم. بۈگۈنمۇ بېرىپ كۆرگۈم يوق، ماقۇل بولسىلا. كۆرسەم قورقۇپ كېتىمەن، ئۆيدە توۋا قىلاي.
— كاپىشما! گەپ ئاڭلىماس بەچچىغەر. دۇنيادىكى ئاسىي، خىيانەتچى، قارا نىيەت گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى جازا مەيدانىغا
بېرىشتىن قورقىدۇ. چۈنكى، جىنايىتى ئاشكارا بولۇپ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. سەنمۇ بىلىپ قوي، ئوغلۇم، جىنايەت ئۆتكۈزگەن گۇناھكار جازالانماي قالمايدۇ. ئادەم بولۇپ ئادەمچە ياشاي دېگەنلىرى جازا مەيدانىغا بېرىپ ئىبرەت، ساۋاق ئېلىپ گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. باش تارتقانلار بېشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟
— چۈشەندىم، ئاتا. ماقۇل باراي، — بەگتاش خېلىل ئاخىر ماقۇللۇق بىلدۈردى، — پېقىر ئوغۇللىرى بۇ ياشقا كەلگۈچە ھەر قانداق جازا، زورلۇق — زۇلۇمدىن نېرى بولۇپ كەلگەندىم. شۇڭا، ھاياتىمنىڭ مەزمۇنى تولۇقلانماپتىكەن. باراي، بېرىپ كۆرۈپ ئىبرەت ئالاي. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىم خەيرلىك ئۆتكەي!
— ئەمدى ئەقىللىقنى تاپتىڭ، بالام. ھاجىپ بەگىيۈسۈپتىن ئەپۇ سوراشنى ئۇنتۇپ قالما. ئۇ ساڭا تۇغقان، ئۇستاز بولۇپلا قالماي، سودىدا شېرىك. سەمىمىيەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ.
— بىلىمەن، ئاتا. ئۇ مېنى ئەپۇ قىلارمۇ؟
— چىن قەلبىدىن گۇناھىنى تىلەپ توۋا قىلغان بەندىسىنى ئاللا ئەپۇ قىلىپ، ھىدايەتكە باشلايدۇ، بالام. بەگىيۈسۈپ سەمىمى توۋا قىلغان كىشىلەرنىڭ غەمخارى. سەمىمىيەتسىز كىشىلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ.
— پېقىر ئوغۇللىرى بۇنىڭدىن كېيىن سەمىمىي، راستچىل بولىمەن. گەپلىرىنى ئاڭلايمەن، ئاتا.
— ئۇنداق بولسا چىقايلى. بىزنى ئاكاك كۈتۈپ تۇرىدۇ. سىڭلىڭمۇ كەلمەپچىدى، يۈرگىن بالام.
بەگتاش خېلىل ئاتىسىنىڭ كەينىدىن ھويلىغا چىقتى.
سوپىدا ئولتۇرۇشقان بەگتاش خېلىل ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
— ئەمدى ماڭمىساق ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز. مەپە تەييار بولدىمۇ بالام؟ — بەگتاش جالالىددىن قول باغلاپ تۇرغان چوك
ئوغلىدىن سورىدى. — تەييار بولدى، ئاتا، ئىشىك ئالدىدا، — جاۋاب بەردى بەگتاش خېلىل ئۆيىچە ئىنىسىغا قاراپ قويۇپ. — كۆيۈمچانلىرىنى ئوردىغا ئۇزەتتىمەن دەپ كېچىكىپ قالدىم، ئاتا. بەگتاش جېلىل ئاكاممۇ بارىدىغان بولدىمۇ؟ — دېدى دەل ۋاقتىدا كەلگەن دىلداربەك سالام بەجا كەلتۈرۈپ. — نېمىشقا بارمىسۇن؟ بارىدىغان بولدى. ئىبرەت — ساۋاق ئالىدىغان يەرگە تېللا سەرپ قىلىپ بارسا ئەرزىيدۇ، قىزىم. ئۇلار پاراڭلىشىپ ئىشىك ئالدىغا چىقىشتى. كۆكلىم قۇياشى غەرب تەرەپكە ئاستا سىلجىپ كېتىۋاتاتتى. شولىسى تاملارغا ياماشقانىدى. غۇر — غۇر شامال ئەتراپتىكى دەرەخلەرنى ئىرغاتاتتى. ھەربىر مەھەللىدىن سەپ تارتىپ چىققان جامائەت ئارايار، چاسا كوچىلاردىن تۆمەن دەرياسى بويىدىكى جازا مەيدانىغا ئاقماقتا. قىزغۇچ دەريا سۈيى كۆۋرۈككە، شارقىراپ قىرغاققا ئۇرۇلاتتى. ئارغامچا — ئۆتكىمەسمان بولۇپ ئىسسىق ياقتىن كەلگەن تۇرنا — غازلار چۈشۈشكە يەر تالىشىپ قەشقەر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا. ئەتراپىدا كىشىلەر سىغمايدىغان مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا ئېگىزلىك دار ئورنىتىلغانىدى. دار ياغىچىغا چىگىلگەن قورقۇنچلۇق سىرتماق تەۋرىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا قارا كىيىم كىيىپ يۈزىگە نىقاب تارتقان بىر جاللات ۋە بىر قانچە قاراۋۇل قىلىچلىرىنى كۆتۈرگىنىچە چەكچىيىپ تۇرۇشاتتى. ئۇياقتىراق كۆندۈرۈلمىگەن بىر بۇغرا تۆگە بىر قۇتۇر ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ قويۇلغانىدى. بۇغرانىڭ چۆلۈكىگە باغلانغان قىل ئارقان يەردە سۆرۈلۈپ، خۇددى سوزۇلۇپ ياتقان يىلانغا ئوخشاپ قالغاندى… ھەممە ئادەمنىڭ كۆزلىرى مۇدھىش جازا قوراللىرىغا تىكىلگەنىدى.
— قاراشلار! مۇناپىق ئاسىيلار يالاپ كېلىندى. — ئاۋۇ ئالدىدىكى مەھرەم ئالۋاستى قۇماربېكە ئوخشايدۇ. — ئالتۇن تارتىم ئەمەس، يالماۋۇز ئابىنچۇ خاتۇن ئۇ. — ئۆزىنى قەيسەربەگ دەپ ئاتىۋالغان مۇناپىق بوزاغۇنىڭ چىرايىغا قاراشلار. ئانار ئېچەكەن ئوغرېدەك قارىداپ كېتىپتۇ. — ئەنە قاراشلار! قان ئىچەر جاللات مۇڭسۇزمۇ بار ئىكەن. ئەپتىدىن شۇملۇق يېغىپ تۇرۇپتۇ مەلعۇننىڭ، — دېيىشىپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىغان خالايىق تۆت تەرەپتىن بويۇندىشىپ قارىشاتتى.
بويۇنغا تاقاق، قولغا زەنجىرلىك تۆمۈر قىسماق، پۇتقا كىشەن سېلىنغان قۇماربېكە، بوزاغۇ، مۇڭسۇز، بۈگۈش، ھوشۇربەگلەرنى قىلىچ، نەيزە، ئۆمۈت كۆتۈرگەن قارا كىيىملىك جاللاتلار، قاراۋۇل، ياساۋۇللار زىنداندىن يالاپ ئېلىپ كەلدى.
قارا پەنجىگە ئورۇنالغان قۇماربېكىنىڭ چېھرىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بوزاغۇ، بۈگۈش، ھوشۇربەگلەر يەردىن باش كۆتۈرمەي ئاران — ئاران قەدەم يۆتكەشمەيتتى. مۇڭسۇزلا كىشەننى جاراڭلىتىپ، پەرۋايىغا ئالمىغان قىياپەتتە ئەتراپقا كۈلۈپ قاراپ كېلىۋاتاتتى…
ئولارنى جازا مەيدانىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئېگىز قىلىپ ياسالغان تاختاپەرگە چىقىرىپ، تۇرغۇزۇپ قويدى. — ئاسىيلارغا ئۆلۈم! — مۇناپىق قارا نىيەتلەر جازاغا تارتىلسۇن! — ياۋۇز ئالۋاستى ئابىنچۇ خاتۇننى چالما — كېسەك قىلايلى! — كىم كىشىگە ئورا كولىسا ئۆزى چۈشىدۇ! — دەپ چۇقان سالدى دەھرەپ كەتكەن خالايىق.
بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان، تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىن، ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان قاتارلىق شاھىنشاھلار، ۋەزىر — ۋۇزۇرا، ھاجىپ، سانغۇن، يۇرتۇغ — جاندارلىرى بىلەن مەيداندىكى كۆركەم ياسالغان مۇنبەرگە چىقىپ
ئۆزلىرىگە خاس تەختتىن ئورۇن ئالغاندا، ئاۋام خەلق يەنە بىر قېتىم چۇقان كۆتۈرۈپ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئاق يىپەككە يېزىلغان يارلىقنى ھاجىپ بەگىيۇسۇپكە سۇنۇپ بەردى. ئۇ ئىككى قوللاپ ئېلىپ، باش ئۈستىگە كۆتۈردى. ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاۋام خەلققە كۆرسەتتى. ئاندىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
— ئەييۇھەنناس! ئىشتىلار ئاممۇخاس! بۈگۈن دىنى ئىسلامغا ئاسىيلىق قىلىپ، خەلقتىن يۈز ئۆرۈپ ئەھلى ئىسلام خاقانىغا سويقەست قىلغان قارا نىيەت مۇناپىقلارنى جازالاش توغرىسىدىكى پەرمانى ئالىينى ئوقۇپ بېرىمەن. تىنچ ھالدا قۇلاق سالغايسىزلەر، — دەپ خىتاب قىلغاندا، گويا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ پەسلىگەندەك، چۇقان سېلىۋاتقان ئاۋام خەلق ئاستا-ئاستا تىنچلاندى.
بەگىيۇسۇپ پەرمانى ئالىينى ئوقۇدى:
«ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز، يىگىرمە تۆت ئۇرۇقتىن ئىبارەت قەۋمى ۋەتىنىگە مەلۇم بولسۇنكى، تەڭرى ئاتا قىلغان ئۆمۈرنى بۇ دۇنيانىڭ تىرىكچىلىكى، بۇ دۇنيانىڭ پاراغىتى ئۈچۈن ساۋابلىق ئىشلارغا ئاتىماي، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ، سويقەست بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاۋامغا زۇلۇم قىلغان، ناھەق قان تۆككەن مۇناپىق قارا نىيەتلەرگە، شەيخۇلىسلام قازىكالان ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئادىل ھۆكۈم قىلسۇنلەر.
قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ بۇغرا قاراخانى مەھمۇد ئارسلانخان.
ئوردۇكەنت بۇغراخانى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان»
پەرمانى ئالىينى ئوقۇپ بولغان بەگىيۈسۈپ، ئىككى قوللاپ قازىكالان شەيخۇلىسلام نۇرىددىن داموللا مەخدۇم ھاجىغا سۇنۇپ بەردى. قازىكالان باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمنامىنى ئوقۇدى.
«ئايىغۇچى كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللا ئۇلۇغ، ئۇنىڭ شەرىئىتىنىڭ ئادالەت بىلەن چىقارغان ھۆكمى خالىس ۋە لىللادۇر.
ئاللانىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن مەشرىق ئالىمىدە بەرپا بولغان قاراخانىيلار مەملىكىتى يۈز يىللار مابەينىدە، «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىپ ئادالەت بىلەن ئەل سورىغان قاراخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا يىلىسېرى ياشناپ، قۇدرەت تېپىپ كەلگەنىدى. ۋاھالەنكى، قارا نىيەت، ئاسىي سۈيقەستچىلەرنىڭ يوشۇرۇن ھەرىكەتلىنىپ تاجۇتەختنى تارتىۋېلىش، قىرغىنچىلىق قىلىش نەتىجىسىدە گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ ئاسىيلار: خانىش ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربەكە، ئۆزىنى قەيسەربەگ دەپ ئاتىۋالغان يۇغرۇش بېشى بوزاغو، ئۇزاق يىللاردىن بېرى مۇسۇلمان تونىغا ئورىنىۋالغان قان ئىچەر جاللات مۇڭسۇز، سابىق دەلۋازئەن، چاپاۋۇللار ئەمىرى ھوشۇربەگ، بوزاغونىڭ مالىيى بۆگۈشلەردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى تۆۋەندىكىچە:
گۇناھكار ئابىنچۇ خاتۇن قۇماربەكە ئاسىيلىق جىنايىتى بىلەن دارغا ئېسىلغان ئاتىسى بولۇنبەگنىڭ قىساسىنى ئېلىش، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، تاجۇتەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن مەرھۇم مۇھەممەد ئارسلانخانغا تۇزكورلۇق، ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ
ئىختىيارىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغان. ئاسىي قاچقۇن ئاكىسى بوزاغۇنى ھەرەمگە خۇپىيانه ئېلىپ كىرىپ ئاغۋات قىلىۋالغان ھەم ئۇنىڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بولغان دوقاقبەگنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئون ئۇيغۇر، يىگىرمە تۆت ئوغۇز، توققۇز ئوغۇز ئارىسىدىكى قىساسچى قارلۇقلارنى قاراخانىيلارغا قارشى يوشۇرۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، تاجۇتەختنى تارتىۋېلىش تەييارلىقىنى باشلىغان. قۇماربېگنىڭ تەۋسىيە قىلىشى، كېپىل بولۇشى بىلەن بوزاغۇ مۇھەممەد ئارسلانخانغا جاندارلاربېشى بولۇپ، رەزىل مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا شارائىت ۋە ئىمكانىيەت ھازىرلىغان. بۇ ئارىلىقتا قۇماربېگنىڭ بۇيرۇشى بىلەن بارسغاندىن قوزغۇلاڭغا بارغان بوزاغۇ ئوردىدا باجگىربەگ بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇغقىنى پەرمانبەگنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، بۈگۈ بىلگە بەگىئۇسۈپنىڭ قىزى بىلەن كۈيۆئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، قاتىللىققا سالغان ئۈچ نەپەر خىزمەتكارىنىمۇ ئۆجۈقتۈرۈۋەتكەن. مۇھەممەد ئارسلانخاننى تاجۇتەختنى تارتىۋېلىشقا كۆشكۈرتۈپ، بۇغراخان سۇلايمان ئارسلانخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلدۇرغان قۇماربەگ جەڭدە مەغلۇپ بولغان بۇغرا قاراخاننى ۋە ئۇنىڭ يۇغرۇشباشى بۈگۈ بىلگە بەگىئۇسۈپنى زىندانغا تاشلاتقۇزغان. سۇلايمان ئارسلانخان ئاچلىق، خورلۇق دەستىدىن زىندا ندا ۋاپات بولغان.
بۇ سۈيقەستكە ئىختىيارلىق بىلەن قاتنىشىپ، باستۇرۇپ كەلگەن مۇھەممەد ئارسلانخان قوشۇنلىرىغا ئوردۇكەنت دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن ھوشۇربەگ جاندارلاربېشى بولغان. قان ئىچەر جاللات مۇڭسۇز زىندانبېگى بولۇپ، بىگۇناھ مەھبۇسلارنى خالىغانچە ئازابلىغان، ئۆلتۈرگەن. يۇغرۇشباشى بولۇۋالغان بوزاغۇ ئۇلارغا يەل بېرىپ، ياۋۇزلۇق بىلەن ئەسكىلىك قىلىشقا يول قويغان.
بۇ ئاسىيلار تەختكە چىقارغان مۇھەممەد ئارسلانخان باج - سېلىق، ئالۋان - ياساقنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ پۇقرالارنى نامراتلاشتۇرۇپ، ئەل - يۇرتنى خارابلاشتۇرغانلىقتىن نارازىلىق كۈچىيىپ، بەگىيۈسۈپنى ۋە بىر قىسىم بۈگۈ بەگ، بۇغۇغلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. زىنداندىن چىققان بەگىيۈسۈپ بالىچاقىلىرى بىلەن بالاساغۇنغا كېتىۋاتقاندا، قۇماربەك، بوزاغۇلار ئۆتكەن چاۋار، بۈگۈش باشلىق سەكسەن ئادەم بەدەئىيارت داۋاننىڭ ئۇ تەرىپىدە، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بەگىيۈسۈپنىڭ رەپىقىسى ۋە ئادامتۇغرۇلنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرگەن. بەدەئىيارت قىشلىقىنىڭ ئاقساقىلى تۇرسۇنبەگنىڭ ئۆزلىرىگە يول باشلىغان ئوغلىنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولغان.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىق، قايغۇلۇق بولغىنى شۇكى، پۇرسەت كەلدى دەپ بىلگەن قۇماربەك مۇھەممەد ئارسلانخان تاجوتهختنى، ۋەلىئەھدى ھۈسەيىن ئارسلانخانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كۈندىكى بەگ تەرىپىدە، بوزاغۇ، دۇقاقبەگ، مۇڭسۇز، ھوشۇربەگ، بۈگۈشلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېرى ۋە بۇغرا قاراخان بولغان ئۆگەي ئوغلىغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگەن. بۇغراخان جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرىنى چاپ - چاپ قىلىپ، دۇنيادا ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغان ئۆلۈم پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ چاپ - چاپتا مۇڭسۇز، ھوشۇربەگ، بۈگۈشلەر خانىش، مەلىكە، تېگىنلەرنى قىرغان. ھەتتا ئېغىراياق چۆرە، بۆشۈكتىكى بوۋاقلارنىمۇ ساق قويمىغان. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەرقايسى ئايماق، قەبىلىلەردىكى مۆتىۋەرلەرنى، بۈگۈ بەگ، بۇغۇغلارنى، دەۋكار گۆھەرپۇرۇش①، لاتاچورۇشلارنى، تارىخچى، يىلنامىچىلارنى زىندانغا تاشلاپ، مەملىكەت مىقياسىدا
① گۆھەرپۇرۇش — ئالماس ساتقۇچى.
ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان. بۇ مەلئۇنلار ياغما ئۇرۇقىنى، بۇغراخان جەمەتىنى پۈتۈنلەي قەتلىئام قىلىپ، قاراخانىيلار ئېلىگە ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىش غەرىزىدە، ئىبراھىم تېگىننى تەختكە چىقارغان. بۇ ئاسىي نەچچە تۈمەن لەشكەرنى باشلاپ بارسغانغا يۈرۈش قىلغان. ئاقىبەت ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن نەتىجىلىنىپ، قۇماربەكە، بوزاغۇ، مۆگسۈز، ھوشۇربەگ، بۆگۈش قاتارلىق قارانسىيەلەر جەڭدە ئەسىر ئېلىندى. دوقاقبەگ جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى، ئىبراھىم تېگىننىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشى ئوردو كەنتكە ئېلىپ كېلىندى. ئەسىر ئېلىنغان مەلئۇنلار سوراققا تارتىلدى. مۇدەھىش قىلمىشلىرىغا ئىقرار بولدى. ئاللاھنىڭ «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەمرىگە ئاساسەن ئادىللىق - ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان شەرىئىتىمىز قارا نىيەت ئاسىي قۇماربەكەنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇناپىق سۆيىقەستچى بوزاغۇنى ئاتقا سۆرىتىپ، قان ئىچەر جاللات مۆگسۈزنى بۇغراغا سۆرىتىپ، قارا نىيەت خائىن ھوشۇربەگنى دارغا ئېسىپ، ۋەھشىي، رەھىمسىز غالچا بۆگۈشنى ئوڭ - چەپ قىلىپ قول - پۇتىنى كېسىپ، ئاندىن قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرقانداق كىشىنىڭ تىلەشلىشىگە بولمايدۇ. گۇناھكارلارنىڭ ھاياتلىق بېرىشنى تىلىشى، نارازىلىق بىلدۈرۈشى رەت قىلىنىدۇ. جازا دەرھال ئىجرا قىلىنسۇن! ئاللاھۇئەكبەر!
ھۆكۈم بويىچە جاللاتلار قۇماربەكەنى يەرگە قېقىلغان تۆمۈر قوزۇققا باغلاپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى.
تەرەپ - تەرەپتىن ئېتىلغان تاش، چالما ئۇنىڭ يۈز - كۆزىگە، ئېغىز - بۇرنىغا، بويۇن - بېشىغا، كۆكسى - قارنىغا
كەينى كەينىدىن تەگدى. ئاپتاپ كۆرمىگەن پېشانە مەڭزى، دۈمبە مۈرىلىرىدە ھۆررەك ھۆررەك قاپارتقۇلار پەيدا بولدى. بىر كۆزى پۇلتېيىپ، بىر كۆزى جىرتىق بولۇپ قالدى. ئالتۇن بىلەن قاپلانغان چىشلىرى تۆكۈلۈپ ئاغزىدىن قان قويدى. قارا تاۋار پەرىجىسى يىرتىلىپ تىتما كاتاك بولۇپ كەتتى. ياقۇت تۈگمىلىك تەتلىلا كۆڭلىكىمۇ ئۈتمە-تۈشۈك بولۇپ، ئەپچىكى قانغا بويالدى. كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ساغرىسىغا تاش تېگىپ دۇم يىقىلدى. داس سۆڭىكى چىقىلىپ، نازۇك بېلى ئوشتۇلدى…
مەن ئۇ ئالۋاستىغا بىر تاش ئېتىۋالاي. خالايىق ماڭا يول بېرىڭلار! دەپ توپ ئىچىنى يېرىپ چىققان قىيات بوۋاي يېقىنلاپ كېلىپ يوغاندەك بىر تاشنى ئاتتى. قۇماربىكىنىڭ قۇلاق تۈۋىگە تەگدى. ئاڭرىغان ئاجىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى… غەزەپلەنگەن قىيات بوۋاي:
ئابىنچۇ خاتۇن، تونۇدۇڭمۇ؟ مەن ساڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى چىققاندا قولۇمنى كېسىۋەتكەنتىڭ. ئەمدى ئېيتقىنا، ئۆزۈڭ قانداق كۈنگە قالدىڭ؟ تۈپۈرۈك! لەنەت ساڭا! دەپ پۇخادىن چىقتى. ئۇ تەقدىرنىڭ بۇ كارامىتىگە قايىل بولغان ھالدا كەينىگە ياندى.
قۇماربىكىنىڭ يېنىغا تاش كۆتۈرۈپ كەلگەن بۇۋىئايىشە ئۇنىڭ خادىغا ئېسىپ قويۇلغان ئوغلى ئىبراھىم تېكىننىڭ بېشىغا قارىغىنىچە جان ئۈزۈۋاتقىنىنى كۆردى.
قارا نىيەت سېنى مۇشۇ ئاقىۋەتكە قالدۇردى، ئابىنچۇ خاتۇن. بۇنى بىلىدىڭمۇ؟ سەن ھېچكىمگە رەھىم قىلمىغان ئىدىڭ، ساڭىمۇ ھېچكىم رەھىم قىلمىدى، دېدى ئۇ نەپرەتلىك كۆزلىرىنى چالما كېسەككە كۆمۈلۈپ كېتىۋاتقان قۇماربىكىگە تىكىپ.
بۇۋىئايىشە كەينىگە يانغاندا ئابىنچۇ خاتۇن مىڭلىغان ئادەم ئاتقان چالما كېسەككە كۆمۈلۈپ قالدى.
جاللاتلار بوزاغۇنى دۈشكەللەپ ئاپىرىپ، پۇت قولىدىكى
771
كېشەن، قىسماقنى ئېلىپ، قىل ئارقان بىلەن بوز ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ، قويۇپ بەردى. بوينىغا تاراھلاپ قامچا تەگكەن ئات بوزاغۇنى سۆرەپ چاپتى. ئەڭ ئاۋۋال بۇ يۈزسىز مۇناپىقنىڭ يۈزى تاش - تۇپراققا تەگكپ زەخمە بولدى، كۆزلىرىگە تىكەن سانجىلدى، ئاغزىغا تۇپراق كىردى. ئات مەيداننى ئۈچ قېتىم ئايلانغاندا بۇ مەلئۇننىڭ تېنى كۆرگۈسىز بولۇپ كەتتى.
جازا نۆۋىتى مۆھسۈزگە كەلدى. جاللاتلار مۆھسۈزنىڭ ئىككى قولى، پۇتىنى قىل ئارقان بىلەن چىڭ باغلاپ، مادا ئېشەكنىڭ قوشقىنىغا چېتىپ قويۇلغان بۇغرا تۆگىنىڭ قۇيرۇقىغا چىگدى. بۇ مادانىڭ چاترىقىغا چىقىر تىكەننى قىستۇردى. ئېشەك سەكرەپ، چىچاڭشىپ، تېپىپ مۆھسۈزنىڭ بوغما قاپاقتەك يوغاندەك قاشلىرىنى يېرىۋەتتى. تاقا چوقۇر يۈزىنى تىلىۋەتتى. باش - كۆزى ئۆرۈلۈپ - سوقۇلۇپ ماكچايدى. يۈزلىگەن بىگۇناھ كىشىنىڭ تېنىنى قانغا بويىغان بۇ جاللاتنىڭ جىسمىمۇ قانغا بويالدى…
جازا نۆۋىتى ھوشۇربەگكە كەلدى. جاللاتلار ئۇنى سۆرەپ كېلىپ دار ئالدىدىكى كۆتەكنىڭ ئۈستىگە چىقاردى. بوينىغا سىرتماقنى سالدى. كۆتەكنى بىر تېپىپ دومىلىتىۋەتتى. ھوشۇربەگنىڭ گېلى بوغۇلۇپ، دۇنياغا تويمىغان كۆزلىرى چاچراپ چىقتى. كاززاپ تىلى ئاچ قالغان ئىتنىڭكىدەك ساڭگىلىدى. جانسىز تېنى دار ياغىچى ئاستىدا پۇلاڭلاپ قالدى.
جاللاتلار دەسلەپ بۇغۇشنىڭ ئوڭ قولى بىلەن چەپ پۇتىنى، ئاندىن چەپ قولى بىلەن ئوڭ پۇتىنى پالتا بىلەن چاناپ ئۈزۈپ تاشلىدى. قىلىچ بىلەن بوينىغا چېپىپ ئىشلىمەس كالتە بەشلىنى نىجىس تېنىدىن جۇدا قىلدى…
— ئاسىي گۇناھكارلارغا بېرىلگەن جازا ھەق بولدى!
— ئادالەت بىلەن تەخت مۇستەھكەملىنىپ، ئەل راۋاج تاپىدۇ!
— سائادىتىمىز — ئادالەت! پەخرىمىز — بۇغرا قاراخان! — دەپ چۇقان سالغان خالايىق تارقىلىشقا باشلىدى…
بەكتاش جېلىلنىڭ ۋۇجۇدى يوپراقتەك تىترەپ، تىلى كالتۋىلىشىپ قالدى. ئاتىسىنىڭ ئىبرەتلىك جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىشقا شۇنچىۋالا كۆچۈنگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭغا ئەمدى ئايان بولدى.
773
يىگىرمە تۆتىنچى باب
دىدارلىشىش ۋە ئايرىلىش
1
ھىجرىيە 451 - يىلدىكى ① نورۇز بايرىمى تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىنىڭ شەرىپى بىلەن ئون كۈن داۋام قىلدى. بۇ ئون كۈن ئىچىدە ھاۋا ئوچۇق بولدى. جۇتمۇ بولمىدى، يامغۇرمۇ ياغمىدى، بورانمۇ چىقمىدى. ھاۋا رەڭ ئاسمان گۈمبىزى كۆكلەم قۇياشىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۆككەن ئالتۇن نۇرىدا بللۇردەك جۇلالاپ، زادىلا تۇتۇلمىدى.
قىزىل دەرياسى، تۈمەن دەرياسى بويلىرىدىكى سەينا، مەيدانلاردا ئۆتكۈزۈلگەن قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، گۈرزە، ئوقيا ئېتىش، يادىن قارىغا ئېتىش، چېلىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش، مۇشائىرە، گەپدانلىق، ساز چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بېغىشلايدىغان پائالىيەتلەر قىزغىن داۋام ئەتتى. ناغرا - سۇناي، بۇرغا - كاناي ئۈنلىرى ھەر تەرەپتىن ئاڭلىنىپ تۇردى.
بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان، بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان، تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئۆزىنىڭ يۇرتۇغ - جاندارلىرى بىلەن بېرىپ مەرىكىنى كۆردى. ئاۋام بىلەن بىللە كۆڭۈل ئاچتى. بىللە تەنتەنە قىلدى.
باتۇر پالۋانلار ئوقيا، نەيزىلىرىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئات
① مىلادىيە 1059 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
ئۈستىدە تۇتۇشۇپ ماھارەت كۆرسەتتى. ئىبراھىم بۆرە تەگكەندەك تۆمۈر ساپلىق گۈرزىسىنى يەتتە گەز ئېگىزلىككە ئېتىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇردى.
بەگتۈرمۈش بىلەن ئەبۇ ئەلى ئەھمەد تەگكەن قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىقتا بىرىنچى بولۇپ، بۇغرا قاراخاندىن بىر لېگەن تىللا تارتۇق ئالدى. ئاشانبۇقا ئۆزىدىن يىگىرمە ئىككى ياش كىچىك، بارسخان پالۋانى بىلەن چېلىشىپ يىقىۋالدى ھەم بىر لېگەن تىللا تارتۇق ئالدى. سۇلتانبەگ ئات بەيگىسىدە بىرىنچى بولۇپ تارتۇق ئالدى. ئارسلان، ئەرتاتانلارمۇ، ئوردۇكەنت مەرگەنلىرى بىلەن ئوقيا ئېتىشتا بەسلىشىپ بىرىنچى بولدى. ھەر ئىككىلەپ ئون توققۇز قەدەم يىراقلىقتىن ئوق ئۈزۈپ ئۈزۈك كۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ بىر لېگەن تىللا تارتۇق ئالدى.
نورۇز بايرىمى ۋە تاج كىيىش مۇراسىمىغا بېغىشلاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇشائىرىدە ئوقۇلغان شېئىر، قەسېدىلەر گويا چۆلگە ياغقان سىم - سىم يامغۇردەك كىشىلەر قەلبىنى ياشنىتىپ، ئۇلارغا غۇرۇر، جاسارەت بېغىشلىدى. روھلىرىنى ئۇرغۇتتى.
بەگىيۈسۈپ تولراق تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تەگكەنگە ھەمراھ بولدى. بۇ مەغرۇر، جاسارەتلىك خاقان ئۆزىنىڭ يۇرتۇغ - جاندارلىرى ۋە تاجدىملىق باشلىق ۋەزىر، ئەمىرلىرى، خانىش، مەلىكە، شاھزادىلەر بىلەن ئادرا تۈركەن خاتۇننى ئارىغا ئېلىپ، بىر كۈنى تۈمەن دەرياسى بويىدىكى مەرىكىدە بولسا، يەنە بىر كۈنى قىزىل دەرياسى بويىدىكى ئات بەيگىسىنى كۆردى.
بەگىيۈسۈپ بۇغرا قاراخان ۋە بۇغراخاننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆزىنىڭ ياساۋۇل - قاراۋۇللىرىنى ئىشقا سېلىپ، مېھمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتۈش، سەيلە قىلدۇرۇش كۈيىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
مەرىكە، سورۇنلاردىن بۆلەك، مەھەللە - مەھەللىدە، قورو -
ھويلىلاردا نەغمە ناۋا، ناخشا ئۇسسۇل قىزىپ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.
يىللاردىن بېرى ئازاب ئوقۇبەت، قايغۇ كۈلپەت دەستىدىن يۈرىكى قان زەرداب بولغان ئاۋام خەلق، مەيلىچە ئويناپ كۈلۈپ پۇخادىن بىر چىقتى. ھۆرلۈك، ئەركىنلىك ئاۋامغا جۈرئەت، غەيرەت، جوشقۇن روھ بېغىشلىغانىدى.
نورۇز بايرىمىنىڭ ئونىنچى كۈنى مەرىكە سورۇنلار ئاياغلىشىپ، مەيدان سەھنالار بوش قالدى. ئىبراھىم بۆرە تەگىننىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن بەگۈسۈپ بىللە شىكارغا چىقتى. ئۇلار تۈمەن دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇزاق مۇڭداشتى.
تامغاچ بۇغراخان ئائىلىرى، بۇ قېتىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئوردۇكەنتكە كېلىپ، ئادىرا تۈركەن خاتۇن، توغرۇل قاراخان، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان باشلىق بۇغراخان جەمەتىنى، ئاۋام خەلقنى كۆپ خۇرسەن قىلدىلا.
ھاجىپ جاناپلىرى، ئۆزلىرىنى خۇرسەن قىلالمىدىممۇ؟
يوقسۇ، يوقسۇ، ھەممىدىن كۆپرەك يېقىننى مەمنۇن قىلدىلا. مۇبادا كەلمىگەن بولسىلىرى، تاج كىيىش مۇراسىمى مۇنداق دەبدەبىلىك ۋە سەلەتەنەتلىك ئۆتمىگەن، نورۇز بايرىمىمۇ مۇنچىلا قىزىمىغان بولاتتى.
بۆرە تەگىن دەرياغا ئېقىشىپ قالغان دۇخچاق سۆگەتنىڭ تۈۋىدە توختاپ، كۆپۈكچەپ ئېقىۋاتقان لايقا سۇغا خىيالچان نەزەر تاشلاپ دېدى:
راستىنى دېسەم ھاجىپ، تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىنىڭ تەنتەنىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلۇغ ئاپام ئادىرا تۈركەن خاتۇندىن دۇئا ئالغىلى، سىز ئۇستاز بىلەن دىدار كۆرۈشكىلى، ئوردۇكەنت ئەھلىگە سالام بەرگىلى كەلدىم. ۋاھالەنكى، بىر بىرىنى كۆرەلمەيدىغان، بىر بىرىگە ھەسەت قىلىدىغان، بىر بىرىنى قەستلەيدىغان، ئەلنى كۆزدە تۇتمايدىغان
قېرىنداشلىرىمنى كۆرگۈم يوق ئىدى…
بەگلىك يادىن ئوق ئۈزگەن بەگىيۈسۈپ دەريا قىرغىغا پالاقتىپ چۈشكەن غازغىمۇ قاراپ قويماي، بۆرە تېگىننىڭ سۆزىنى بۆلۈپ كېسكىن سوئال قويدى:
— تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، كۆپنى كۆرگەن، ئەللەر ئارا نامى چىققان جاھاندارچىلىق پادىشاھ تۇرۇپ مۇنداق دېسە توغرا بولارمۇ؟
— نېمىشقا توغرا بولمايدىكەن، ھاجىپ؟ بۇغراخان جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەخت تالىشىپ بىر - بىرىنى قەستلىگىنى يالغانمۇ؟
— بۇغراخان جەمەتىدىكى تېگىن، ئارسلانخان، ئېلىكخان، ئىنائەت تېگىنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆنداق سۈيقەستچى، كاززاپلاردىن ئەمەس، بۆرەم. مەسىلىگە ئۆنداق قارىسلا، تارىختىن توغرا خۇلاسە چىقىرالماي خاتالىشىپ قالىدۇلا. قاراخانىيلار تارىخى باتۇر، قەھرىمان ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ ئويۇشۇش تارىخى. پىداكارانه جەڭ قىلىپ ئېلىنى قوغداش تارىخى. بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇپ قارا نىيەت ئاسىيلارنىڭ سۈيقەستىنى تارمار قىلىش تارىخى. بۇغراخان جەمەتى — غۇرۇرلۇق، ئالىيجاناب، ئېسىل جەمەت. ئادالەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، مەرتىۋىپەرۋەر جەمەت. بۇ جەمەتنى قارىلاشقا بولمايدۇكى، ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدۇ. تاج تالاشقان ئىبراھىم تېگىندەك قارا نىيەتلەر بۇ جەمەتكە چۈشكەن مىتە قۇرت. بۇ سىلىگە مەلۇم ئەمەسمۇ، ئالىيلىرى؟
— بۇ مەلۇم، ھاجىپ. مەلۇم بولغاچقا ئۇلارغا «خوش - خوش» قىلماي، تامغاچ بۇغراخان بولۇپ نام چىقارغانمەن.
بەگىيۈسۈپ يانى سۆگەتنىڭ شېخىغا ئېلىپ قويۇپ، قۇمساق قىرغاقتا زوڭزايدى.
— ئالىيلىرى، يېقىن راست سۆزلەپ ئۆگەنگەن ئادەم. خاپا بولسىلىمۇ راستىنى راست دېمەي باشقا ئامالىم يوق، — بەگىيۈسۈپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇغا كۆز سېلىپ سۆزىنى
داۋام قىلدى، ئۆزلىرىنى تامغاچ بۇغراخان، دەپ ئاتاپ، شانو شۆھرەتلىك قاراخانىيلار خانىدانلىقىدىن ئايرىلىپ كېتىشلىرى بىلەن تەڭلا ئۇلۇغ مەملىكەت ئىككىگە پارچىلاندى. سىلىدىن ئۆگىنىپ، قوچۇ دىيارىنىڭ ئىدىقۇتى①مۇ بويۇنتاۋلىق قىلدى. بۇنى نېمە دېگۈلۈك؟
توختاڭ، بەگىيۈسۈپ، بۆرە تېگىن ئۆزى تۇتۇپ تۇرغان بىر شاخنى يېرىپ سۇغا تاشلىدى، بىلىمسىز، مەن نېمە ئۈچۈن بۇغرا قاراخانغا بويسۇنماي ئايرىلىپ چىقتىم؟ مەنمۇ يالغان سۆزلىگەن ئادەمنى ئەپۇ قىلمايمەن. راستىنى دېسەم بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا: مەندەك ئالىپ قاراخان تۇرغان يەردە، بۇغرا قاراخان بولۇش لاياقىتى يوق تېگىن، ئارسلانخانلار بۇغرا قاراخان بولۇپ ھۆكۈم سۈردى. بىراق، ئۆزىنى، مەملىكەتنى قۇدرەت تاپتۇرالمىدى. ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋامنى رازى قىلالمىدى. ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەقىل پاراسەتكە، ئالادىن باشقا ھېچكىمگە باش ئەگمەس ئىرادەگە، ھەرقانداق ئالىپلار تەڭ كېلەلمەيدىغان جەڭگاھتىكى باھادىرلىققا، ھېچقانداق پادىشاھتا يوق مەردۇمەردانلىققا، كەڭ قورساقلىققىمۇ، ئادالەتپەرۋەر، ئەلۆيەر ئىكەنلىكىمگە ئىشەنچىم كامىل. مانا شۇنداق خىسلەت پەزىلىتىم بىلەن بۇغرا قاراخان شاھىنشاھ خاقان بولۇشقا لايىق كەلمەمدىمەن؟
كېلەتتىڭىز ئالىيلىرى، بىراق؟…
نېمە بىراق، بەگىيۈسۈپ؟
ئۆلىمىدى ئەمەس ئىدىلا. ئەمدى چۈشەنگەنلا؟
چۈشەندىم، ئىبراھىم بۆرە تېگىن يىگىرمە قەدەم نېرىدىكى باراقسان قاپاق تېرەككە قونغان كەكلىكنى يا بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى، مانا بۇ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇشتىكى كۆچۈرۈپ بولماس خاتالىق. ئىقتىدار قابىلىيىتى، ئىرادە
① تۇرپان ھۆكۈمدارى «ئىدىقۇت» دەپ ئاتىلاتتى.
جۈرئىتىگە قارىماي، بۇغرا قاراخاننىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنىلا نەزەردە تۇتۇپ ۋەلىئەھدى تەيىنلەش ئادىتى قاچانمۇ ئۆزگىرەر؟ — بۇ ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ، شاھىم، — بەگىيۈسۈپ يانى بەتەلەپاتقان بۆرە تېكىننىڭ قولىدىن تۇتۇۋالدى، — سۆزۈمگە قۇلاق سالسىلا. ئاڭلاۋاتامدىلا؟ — ئاڭلاۋاتىمەن، — بۆرە تېكىن يانى يېنىدا قويدى. — بۇ سوئالىمغا جاۋاب بەرسىلە. سىلى ۋەلىئەھدىگە ئۆز ئوغۇللىرىنى تەيىنلىمەمدىلا بۆرەم؟ تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپلا ئوغلى شەمسىلمۈلۈكنى ۋەلىئەھدى قىلىش ئىستىكىدە كەلگەن بۆرە تېكىن ئويلىنىپ قېلىپ دەرھال جاۋاب بەرمىدى. — سىزدە … — ئۇ كۆڭلىدىكى راست سۆزنى يوشۇرمىدى، — مانا شۇنداق دانىشمەنلىكىڭىز بىلەن ھەرقانداق گەپ يېمەس بىلەرمەن پاداشاھنىمۇ قايىل قىلالايسىز. مۆشۇ سوئالىڭىز بىلەنلا مېنىمۇ قايىل قىلدىڭىز. «بۆرەم» دەپ دوستلۇقىمىز باشلانغان يىگىتلىك چاغلىرىمنى ئېسىمگە سالدىڭىز. ئۇ چاغدا مەن «مىسكىن تالىپ، بۈگۈن بىلگەنلەر پاداشاھ بولالمايدۇ» دەپ بىلىم ئەھلىنى كەمستىكەن ئىدىم. سىز رەنجىمەي، بۇغرا قاراخان ئالدىدا ئۆزىڭىز يازغان شېئىر — نەزملىرىڭىزنى ئوقۇپ بېرىپ مېنى ھەيران قالدۇرغانىدىڭىز. بىللە شىكارغا چىقىپ، بىلىم ئۆگىنىشنىڭ پاداشاھ بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئىزھار قىلىپ، مېنىڭ تونۇشۇمنى يېڭىلىغان ئىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىققا قىزىقىپ قالماستىن، بىلىم ئۆگىنىشكىمۇ قىزىقىدىغان بولغانىدىم. ئارىدىن يىگىرمە بەش يىل ئۆتكەندە يەنە مېنىڭ تونۇشۇمنى يېڭىلىدىڭىز. دېمەك، پاداشاھلارنىڭ ئۆز ئوغلىنى ۋەلىئەھدى قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تۈزۈمنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن — دە.
بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ تومۇر ساۋۇت يوشۇرۇپ تۇرغان كۆكرىكىگە تۈرتۈپ قويۇپ دېدى:
— يوقسۇ. مەن تېخى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دېمىدىم، بۆرەم. «قۇرئان كەرىم» دېمۇ ئۆلۈھەدى پادشاھنىڭ ئوغلى بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئايەت يوق. «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار ①» دېگەن ئايەت بار. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، پادشاھلىق تۈزۈمىدىكى بۇ ئەنئەنىۋى قائىدىنى ئىسلاھ قىلىشقا بولىدۇ. قۇماربېككە ئوخشاش ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئادەمنى زورلاپ ئەمرىگە ئىتائەت قىلدۇرالمايدۇ، ئۇنداقلار ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىغۇچىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلماي قالمايدۇ، بۆرەم. بۇ ساۋاق ئەسىرلەردە بولسۇن.
— ئەلۋەتتە، ئېسىمدە ساقلايمەن، ھاجىپ. مەن ئۆزۈمنى «بۇغرا» دېيىشتىن كۆرە «بۆرە» دەپ ئاتاشنى ياقتۇرىمەن. سىزمۇ مېنى «بۆرەم» دەپ ئاتاپ بىر مۇددەتتە ئىككىلىكىڭىزنى بىلدۈردىڭىز. شۇنداقمۇ دوستۇم؟
— بۇ مۇددەتتە — مەقسىتىمىزنىڭ بىر ئىككىلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، ماڭغان يولىمىزنىڭ بىر ئىككىلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇغرا تۆگە بەستلىك، كۈچتۈڭگۈر بولغىنى بىلەن، بۇرۇننى تېشىپ، چۈلۈك ئۆتكۈزسە، قارشىلىق قىلمايدۇ. ئۇ ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا باغلىنىپ قېلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بەزى بۇغراخانلارنىڭ ئاقىۋىتى شۇنداق بولدىغۇ. بۆرىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىچە، ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنۇشنى خالىمايدۇ. قەھرىمۇ، مېھرىمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇم — ئىتتىپاق. ئالىملىرىمۇ يەھمەي بېقىپ چوك قىلدى. بۇغرا مىجەز ئەمەس، بۆرە مىجەز بولۇپ يېتىلدىلا، قاراخانىلار ئېلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەملىكەت قۇردىلا…
① «قۇرئان كەرىم»: سۈرە «شۇئارا»دىن.
— مېنىڭ ئايرىلىشىم — بىرلىشىش ئۈچۈن ئىدى، ھاجىپ. شۇڭا، «تامغاچ بۆرەخان» دەپ ئاتىماي، ئۆزۈمنى «تامغاچ بۇغراخان» دەپ ئاتىغاندىم، — دېدى ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئۆز مۇددىئاسىنى ئوچۇق بايان قىلىپ.
— بۇنى مەن ئۆز ۋاقتىدا چۈشەنگەن، بۆرەم. شۇڭا، سىلىگە قارشى يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا بۇغرا قاراخان، ئېلىكخانلارغا مەسلىھەت بەرمىگەندىم. بۆرىلەرنىڭ ئۆز تائىپىسىگە چىشلىمايدىغان ئېسىل مىجەزى سىلىدە بولغاچقا، قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلمىدىلا. مەغرىبتىكى قاراخانىيلار زېمىنلىرىنى ئىگىلەش بىلەن كۆپىيىشىنىلا. مانا بۇ ئىرادىگە بويسۇنمايدىغان تەقدىر. ھالبۇكى، ئۆلۈمھەدى بەلگىلەش — ھەربىر پادىشاھنىڭ تەقدىرىدىكى بىر قىسمەت. بۇنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزگەرتىش مۇمكىن. «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ…» — دېدى بەگيۈسۈپ يىراقتىن ئاڭلانغان قوڭغۇراق ساداسىغا قۇلاق سېلىپ. دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى چۆل يولدا تۆگە كارۋىنى كېتىۋاتاتتى. غاڭ قاپاق ئېسىپ قويغان بىر توپ كەپتەرمۇ دەريا ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. بەگيۈسۈپ نەزىرىنى ئېلىپ قالغان بۆرە تېكىنگە يۆتكەپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — بورۇنغا چولۇق ئۆتكۈزۈلگەن ئىبراھىم تېكىن ئىشەكنىڭ قۇيرۇقىغا چىپىپ قويۇلغاچقا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالمىدى. ئاسىي قارا نىيەتلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئاتىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلدى. قىساس تۇتۇپ جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى. قارا نىيەت پىتنىچى قۇماربەككە قىلغىنىغا يارىشا چالما — كېسەك قىلىندى. ئاتا — بوغۇلارنىڭ پەزىلەت — خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇرۇنلىرىغا چولۇق ئۆتكۈزۈلۈپ قىلىشتىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلىگەن، بىلىم ئەھلىنى دوست تۇتۇپ ئادالەتنى ياقىلىغان توغرۇل قاراخان، ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخانلار ھەققانىيەت ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ھەقىقەت يوسۇندا قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ خاقانلىرىغا ئايلاندى. ئالىيلىرى،
781
باھادىرلىقلىرى، مەردانلىقلىرى بىلەن مەغرىبتىكى قاراخانىيلار ئېلىنىڭ شاھىنشاھى بولۇپ دۇنيادا نام قازاندىلا. پادىشاھ ئۈچۈن ھەربىر مۈشكۈللۈك ياكى ئۇقۇشماسلىق ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش — غەلىبىگە يول ئاچقانلىق بىلەن باراۋەر. ھەربىر كىشىگە، ھەربىر قىسمىتكە باھا بېرىشتىمۇ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشلىرىنى يەنە بىر قېتىم سەمىلىرىگە سېلىپ قويىمەن، بۈرەم. ئېغىزدىن چىققان سۆز — ئاتقان ئوق. ئۇنى قايتۇرۇپ ئالغىلى بولمايدۇ. بىر ئېغىز يالغان سۆز ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرسە، بىر ئېغىز راست سۆز ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
نېرىراق دەريا بويىغا چۈشۈپ سۇ ئىچىۋاتقان كىيىكلەرگە ئىبراھىم بۈرە تېگىن يادىن ئوق ئۈزمەكچى بولدى — ياق، بۇ نىيەتتىن شۇ ھامان يېنىپ بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزىگە جاۋابەن دېدى:
— توغرا دەيسىز، بۈگۈ بىلگە دوستۇم. ۋەزىرىم تاجبىلمۇلكىمۇ مېنى دائىم ئېغىر — بېسىق بولۇشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. ياشلىق چاغلىرىمغا نىسبەتەن كۆپ سەۋرچان بولۇپ قالدىم. بۇنداق تېمكىن بولۇپ قېلىشىمدا توتىنچى رەپىقەم مايمۇنەنىڭمۇ ھەسسىسى بار.
— ھەسسىسى بار؟ بۇ نېمە دېگەنلىرى شاھىم؟ — ئەجەبلىنىپ سورىدى بەگىيۈسۈپ.
— ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن، دوستۇم. ئايال زاتىنىڭ مۇنداق ئەقىللىكىنى مەن ئۇچراتمىغان. «ئېغىر — بېسىق بولسىلا شاھىم، يەڭگىللىك قىلىپ ناھەق قان تۆكۈلۈشكە سەۋەبچى بولۇپ قالماسىلا» دەپ تۇرغاچقىمۇ، كۆنسېرى تېمكىن بولۇپ قالدىم. ئاجايىپ خوتۇن ئىكەن ئۇ.
— ھە! — بەگىيۈسۈپ نېمىنىدۇر ئويلاپ كۈلۈمسىرىدى، — مايمۇنەخان تۈنۈگۈن كەچ دىلداربىكە بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ئۈچۈن غېرىبخانىمىزغا كەتكەن. كۆزلىرىنىڭ تەرەپلىرىنى
قىلىپ بەردى. تويى بولۇپ قىرىق بىرىنچى كۈنى ئۆيىگە ئاپا قىلىپ، قىرىق تۆگە سوۋغات بىلەن يەمەنگە يولغا سېلىپ قويغانلىرىنى، ئانا ئۆيىگە بېرىپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغىنىنى، قىرىق كۈن تۇرۇپ سەمەرقەنتكە قايتىپ كەلگىنىنى دەپ، ئۆزلىرىدىن كۆپ مىننەتدار بولغىنىنى بايان قىلدى، بۆرەم. يېقىرمۇ خۇرسەن بولۇپ قالدىم…
- كاككۇك! كاككۇك! كاككۇك! - يوپراقلىرى تۇتقۇلاق بولغان سوۋادان تېرىككە قونۇپ سايراشقا باشلىغان كاككۇك ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ قويدى.
- نېمىشقا سۆزىڭىزنى توختىتىۋالىسىز دوستۇم؟ سۆزلەۋېرىڭ. كەتكۈچە ھېكمەتلىرىڭىزنى كۆپرەك ئاڭلىۋالاي، - بۆرە تېگىن ھەزىل قىلىپ ئۇنى تۈرتۈپ قويدى.
- كاككۇك ئاۋازىنى ئاڭلاپ توختاپ قالدىم، بۆرەم. ھەر قاچان كاككۇك ئاۋازىنى ئاڭلىسام ئىشقىمۇ قولۇم بارمايدۇ. سۆزگىمۇ تىلىم كەلمەيدۇ.
- نېمىشقا دوستۇم؟
- نېمىشقا دېسىڭىز بۆرەم، مەرھۇم رەپىقىم ماڭا مانا شۇنداق نورۇز مەزگىلى ۋاقتىدا، كاككۇك سايراپ تۇرغاندا نىكاھ قىلىنغانىدى. قايسى چاغدا كاككۇك ئاۋازىنى ئاڭلىسام، مەرھۇم رەپىقەم مېنى چاقىرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، - دېدى بەگىيۈسۈپ ئون قەدەم نېرىدىكى سوۋادان تېرىكتىن كۆز ئۈزمەي.
- بىلدىم، دوستۇم. ھىجران تېغىدىن يۈرىكىڭىز يارا ئىكەن. مېنىڭ يۈرىكىممۇ ھىجران تېغىدىن يارىلىنىشقا ئاز قالغاندا ۋىسال بەختىگە يەتكۈزگەندىگىز. شۇڭا، يۈرىكىم پۈتۈن. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايمەن…
- توختىسىلا، بۆرەم. مەن سىلىنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ۋىسالغا ئېرىشتۈرگىنىم يوق. ئاھۇغا كۆزى چۈشكەن كۆك بۆرىنىڭ خىرىس قىلىپ ئىتنى بوزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ،
سائادەت مەلىكىسىنى ئاران ماقۇلغا كەلتۈرگىنىم ئېسىمدىن تېخى چىقمىدى.
تامغاچ بۇغراخان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
— مەن بۆرە بالىسى، دوستۇم. ئۇ چاغدا شۇنداق ھېس قىلمىغان بولسام، بۈگۈن بەلكىنى تەسىرلەندۈرەلمەيتتىم، سائادەت مەلىكىسىمۇ ئېگە بولالمايتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىزگە سەمىمىي رەھمىتىمنى ئۆزگىچە ئىزھار قىلىۋېتىش ئۈچۈن بىللە شىكار قىلىشقا تەكلىپ قىلغانىدىم، شىكارىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى.
— تېخى پۇخادىن چىققۇدەك ئاۋۇ ئوۋلىمىغان تۇرساق، بۇ شىكارنى قانداقمۇ كۆڭۈللۈك بولدى، دېگىلى بولسۇن؟
— ياق، دوستۇم، ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى. گەرچە بىز كۆپ ئاۋۇ ئوۋلىمىغان بولساقمۇ، ھېكمەتلىك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ھايات يولۇمغا مەشئەل يېقىلغاندەك بولدى. سىز يېنىمدا بولغان بولسىڭىز ھېچقاچان خاتا قەدەم باسمىغان بولاتتىم، — ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ كەمىرىگە ئېسىقلىق خەنجەرنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، بىر ئېتىۋېدى، ھېلىلا ئۇچۇپ كەتكەن كاككۇك قونغان شاخ كېسىلىپ يەرگە چۈشتى. ئۇنى ئېلىپ بەگىيۈسۈپكە ئۇزاتتى، — دوستۇم، كاككۇك قونغان شاخنى كېسىۋالغان ئادەم مۇرادىغا يەتمەي قالمايدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم. بۇ مەندىن سىزگە يادىكار بولۇپ قالسۇن. بۇنى ھويلىڭىزغا تىكىپ قويۇڭ. كۆكلەپ باراقسان دەرەخ بولۇپ كەتسە ئەجەب ئەمەس.
— ھەقىقەتەن، بۆرەم. مەن بۇ شاخنى ھويلامغا تىكىپ باراقسان دەرەخ قىلىمەن، — ئۇ ئىككى قوللاپ ئالدى.
— دوستۇم، سىز يېنىمدا بولۇشنى خالامسىز؟
— يېنىڭىزدا! تاجسىمانلىقتەك دانىشمەن تۇرغاندا مەن ئارتۇقچىلىق قىلمامدىمەن، بۆرەم؟ ئۇ بىلىم — ھېكمەتتە يېقىندىن كۆپ ئارتۇق، — بەگىيۈسۈپ خۇددى گۈلنى پۇرىغاندەك شاخنى ھىدلىدى، — مەن بۇ شاخنى ھويلامغا تىكىپ
كۆكلىتىشىم كېرەك ئاخىر. — تاجسىمانلىك سىزگە يەتمەيدۇ. خەيرىيەت، يەنە كۆرۈشۈشكە تەڭرى نېسىپ قىلغاي. مەن يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئابام مەلىكە تۈركەن خاتۇننى ئوردامغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، سەمەرقەنتكە ماڭىمەن، دوستۇم. — بىز يەنە ئايرىلىدىغان بولدۇق، بۇرادەر. بۇ ئايرىلىش بىزگە ئامانلىق، سائادەت بېخىش ئەتكەي… ئۇلار ئەنە شۇنداق مۇڭدىشىپ كۈننى كەچ قىلىۋەتتى. قايتىپ ئورداغا قاراپ ماڭغاندا ھاۋا گۈلدۈرلىمەيلا يامغۇر يېغىپ كەتتى. ئېھتىمال يېقىن ئەتراپتا بۆرە تۇغقان بولسا كېرەك.
2
سەھەردىلا ھاۋا قاتتىق گۈلدۈرلەپ كەتتى — كەينىدىن چاقماق چاقتى. يامغۇر شارقىراپ يېغىشقا باشلىدى، كۈن قىيام بولغۇچە توختىمىدى. يامغۇر قەشقەرنىڭ چوك — كىچىك كوچىلىرىدا تارام — تارام ئېقىن ھاسىل قىلدى. ئۆگزىلەرنىڭ نۇرىدىن چۈشكەن يامغۇر سۈيلىرى تارامنى ئۆلغايتىپ، شىرىلداپ ئاقتى. گۆدەكلەر، ئۆسمۈر بالىلار كېچىپ ئويناپ يۈردى. نەخۇش ھاۋا قەشقەر دىيارىنى قاپلىدى. يامغۇر توختاپلا ھاۋا سۈزۈلدى. تىنىق كۆك يۈزىدە ھەسەن — ھۈسەن پەيدا بولدى. رەڭگارەڭ تۈستە چاقنىغان بۇ تەسۋىرىي ئەگىمگە ئۆگزىدە تۇرۇپ كۆز سالغان قىز — چوكانلار چاچلىرىنى بوسۇغىدا قويۇپ ئاي پالتا بىلەن كېسىشتى… يامغۇر توختىغان بىلەن باھار شامىلى توختىمىغانىدى. شامال يۇيۇنغان دەرەخ، گۈل — گىياھلارنىڭ مەجنۇنتال، يېشىل يوپراقلىرىنى ئوسسۇلغا سېلىپ، يۈزلەرگە يېقىملىق ئۇرۇلاتتى. بالىلار بۇغۇر — غۇر سەلەكنىڭ كوچىسى بىلەن ئۇچۇرۇۋاتقان قەلئە، چوكان سېپىلەك، ئالتۇن بېلىق، سۇ پەرىسى،
شەكلدىكى ۋە ئادەمىسمان لەگلەكلەر كۆك قەھرىگە ئۆرلىمەكتە.
دېھقانلار تام - قاشالارغا قونۇپ سايرىغان ھۆپۈپىلەرنى چالما ئېتىپ ئۇچۇرۇۋېتىپ، سۆگەتلىك، چىنار شاخلىرىدا پەرياد ئۇرغان كاككۇكنىڭ مۇڭلۇق ساداسىغا قۇلاق سالغان ھالدا زىرائەتلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.
ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما، ئامۇت دەرەخلىرى چېچەكلەپ، قىزىلگۈل، كۆكگۈل، ئانارگۈللەر پۇراپ، ئوردىنىڭ چار بېغى سېھرىلىك تۇس ئالغانىدى…
كۆكلەمنىڭ مانا شۇنداق غۇر - غۇر شاماللىق ئۆز كۈنىدە، دىۋانى ئارىز، دىۋانى تايانغۇ، دىۋانى توغرائىدىن ئىبارەت قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ئۈچ ئالىي مەھكىمىسى بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ پايتەختنى قەشقەردىن بالاساغۇنغا يۆتكەش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ماقۇللاپ پەرمان چىقاردى. بۇغراخان جەمەتىمۇ بۇ پەرمانغا قوشۇلدى.
مەھمۇد ئارسلانخان قىرىق بىر ۋەزىر، ئاتمىش ئۈچ ھاجىپ، ئون ئىككى سۇبېشى، ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش جاندار، ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن توقسان توققۇز ھۆرمەت قاراۋۇلى، تۆت تۈمەن لەشكەر - سىپاھ بىلەن بىرىنچى بولۇپ قەشقەردىن ئايرىلدى.
ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان باشلىق بۇغراخان جەمەتىنىڭ ئارسلانخان، ئېلىكخان، تېگىن، ئىينال تېگىنلىرى، تۈركەن خاتۇن، خانىش، مەلىكە، ئالتۇن، كۈمۈش تەرىملىرى، ئوردا ئەرابلىرى، ياساۋۇل، قاراۋۇللار، سىپاھلار، شەيخۇلىسلام باشچىلىقىدىكى بۇگۇ بىلگە، بۇغۇغلار ۋە پۈتۈن پايتەخت ئەھلى بولۇپ نەچچە تۈمەن كىشى شەھەردىن ئون ئىككى چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. مەھمۇد ئارسلانخان بېگىيۈسۈپنىمۇ ئېلىپ كەتكەچكە بولۇۋەردى، ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان ئوردۇكەنتتە قالدۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ ئېلىپ قالدى. مەھمۇد ئارسلانخان قۇتلۇقبەگ، بۆرىبەگ، ئەرئاتان، ئارسلانلارنى
ئېلىپ كەتتى.
ئىككى كۈندىن كېيىن تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېگىن، خانىش - توقاللىرى، شاھزادە - مەلىكىلىرى، يۇرتۇغ، جاندارلىرى بىلەن ئادرا تۈركەن خاتۇننى ئارىغا ئېلىپ يولغا چىقتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغىچە چىقىپ ئۇزاتتى.
بەگىيۈسۈپ ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن يەتتە چاقىرىم يولنى بىللە مېڭىپ، قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.
— بۆرەم، پېقىرنى ئۇنتۇپ قالماڭلا. دوستلار بىر - بىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا دىدار كۆرۈشەلەيدۇ، — دەپ ئۇنىڭغا ئاتاپ سوقتۇرغان ئالتۇن ساپلىق قىلىچ بىلەن ھەزرىتى فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىنى يوللۇق تۇتتى. تامغاچ بۇغراخان ئۇنى ئۇزاق قۇچاقلىدى.
— ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن دوستۇم، ئۇستازىم، — ئۇ قىزىل گۆھەر كۆز قويۇلغان ئالتۇن كەمەرنى بەگىيۈسۈپنىڭ بېلىگە باغلاپ قويدى.
دىلداربېكە خانىش، مەلىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ بولۇشقا، مايمۇنە كېلىپ ئۇنىڭغا گىرە سالدى.
— ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىم، سىلىنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمەن. مۇبادا ئاشۇ ئەنسىز كۈنلەردە ماڭا پاناھ جاي بېرىپ، سەمەرقەنتكە يولغا سېلىپ قويمىغان بولسىلىرى، پېقىرە بۇ سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشەلمەيتتىم. خەير - خوش! تەڭرى سىلىنىمۇ ئېرىشكەن سائادەتلىرىدىن ئۆمۈرۋايەت ئايرىمىسۇن، — دەپ ھال رەڭ گۆھەر كۆز قويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈكنى قولىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭ بارمىقىغا سېلىپ قويدى، — بۇ ئاپامنىڭ مىننەتدارلىق سوۋغىسى.
— سىز مېنىڭ قىيامەتلىك دوستۇم، مايمۇنە. سىزنىڭ كۈتمىگەن بەختكە سازاۋەر بولۇشىڭىز — تەڭرىنىڭ رەھمىتى. تەڭرى ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي بەندىلىرىنى ھېچقاچان نائۈمىد
قويمايدۇ. دىلداربېكە خانىش مايمۇنەنىڭ قولىغا ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى. مايمۇنە يەرگىچە ئېگىلىپ بەگىئۇسۇپ، بۈۋىئايىشەلەر بىلەن خوشلاشتى. ئادىرا تۈركەن خاتۇن بىلەن خوشلىشىپ دۇئا ئالغان بەگىئۇسۇپ ئۇلارنىڭ قارىسى يىتكىچە توپىلىق يولدا قاراپ تۇردى. سىڭلىسى زۇبەيدەنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالغان جانىپىدا غوجام: — بۆرە تېگىن كەتتى، — دېدى. ئۇ بۈگۈندىن تەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغاچقا «بىر كۆرۈۋالاي» دەپ ئۆزىتىشكە بىللە چىققانىدى، — ئەمدى كەلمەيدۇ — ھە، بوۋا؟ — ئەپسۇسلۇق ئىچىدە سورىدى ئۇ. — بۇنى بىلگۈچى خۇدا. ئەگەر سەن بۆرە تېگىننى ئۇنتۇماي ئەسلەپ تۇرساڭ، ئۇ ئوردۇكەنتكە يەنە كېلىشى مۇمكىن، ياكى سەن سەمەرقەنتكە بېرىشىڭ مۇمكىن. گەپ نىيەت بىلەن ئىرادىگە باغلىق، بالام. — بۆرە تېگىن ئاغام ماڭا كۈمۈش ساپلىق بىر قامچا يادىكار قىلدى، بوۋا. سەن سەمەرقەنتتىن ئەكىلىپ بەرگەن تايچىقىمنى قامچىلاپ چاپتۇرۇپ، ئامۇ، سىر دەرياسى بويلىرىغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، — جانىپىدا غوجام شىلىپ — شىلىپ قويۇۋەتتى، قىل قامچا يىلاندەك تولغىنىپ، قاس چىقتى. — ماڭىمۇ كۆك بۆرە كەشتىلەنگەن يىپەك ياغلىق بەردى، مانا، — زۇبەيدە نەپەس كەشتىلەنگەن يىپەك ياغلىقنى يايدى. — ھۆششەرە قىزىم، — بەگىئۇسۇپ زۇبەيدەنىڭ پېشانىسىگە سۈيۈپ قويۇپ جانىپىدا غوجامغا قارىدى، — قامچا بولمىسا ئاتنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ، بالام. ئەمدى ئېتىڭغا مىنىپ، قامچاڭنى ئوينىتىپ جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىگىمۇ بارالايسەن. ئېتىڭ تولىمۇ
شاش. ئەپقېچىشتىن قورقمايدىغانسەن؟ — نېمىشقا قورقىدىكەنمەن؟ قامچامنى ئوينىتىپ، ئېتىمنى چاپتۇرۇپ، ئېلىمىزگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغان ياماننىڭ ئەدىپىنى بېرىمەن، بوۋا. — ئانداق بولسا، بەگتۈرمۈش ئاكاڭدىن جەڭ ماھارىتىنى ئوبدان ئۆگەن، بويۇنتاۋلىق قىلما، بولامدۇ؟ — بولىدۇ بوۋا، ئاكامدىن ئۆگىنىمەن. ئالىپ بۈگۈ بەلگە بولمەن، — جانىبىدا غوجام ئاق قاشقا ئېتنىڭ بوينىنى سىلاپ تۇرغان بەگتۈرمۈشقا قاراپ جىلمايدى. بەگىيۈسۈپ ئوغلى، نەۋرىلىرىگە كۆز سېلىپ، بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن، سۇلتانبەگ سوۋۇتۇپ كەلگەن تورۇققا مىندى. دىلداربىكە، بۈۋىئايىشەلەرمۇ ئۆزنىڭ كېيىنكى ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ مېڭىشتى. ئۇلار دىدارلىشىشتىن كۆڭۈللىرى يايراپ، روھلىنىپ، بىر مەھەل تارتقان رىيازەتنى ئۇنتۇپ كېتىشكەنىدى. بۇ ئايرىلىشتىن يۈرەكلىرى ئېچىشىپ كۆڭۈللىرى يېرىم بولۇپ پىراق ئوتىدا پۇچىلىنىشتى… ھەرقايسى يۇرت، ئايماقلاردىن كەلگەن ئارسلانخان، ئېلىكخانلار، يابغۇ، چاغرىبەگلەر ئىلگىرى — كېيىن بولۇپ ئۆز دىيارلىرىغا قايتىشتى. ئاراك — چۆرۈك، پاتىپاتاقچىلىق ئېزىلىپ، پايتەخت خېلىلا تىنچىپ قالدى. «دىدارلىشىش ئادەمگە كۈچ — قۇۋۋەت، ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. ئايرىلىش بولسا ئادەمنىڭ قەدىر — قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، پىراق ئوچىقىدا تاۋلايدۇ. دىدارلىشىش — ئايرىلىش ئۈچۈندۇر. ئايرىلىش — دىدارلىشىش ئۈچۈندۇر» دەپ ئويلىدى بەگىيۈسۈپ ئېتىنى يورغىلىتىپ.
يىگىرمە بەشىنچى باب: پىنھاندىكى خەزىنە
1
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان جاي - جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار پۈتۈنلەي ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ئوردا ئەمەلدارلىرىغا يەتتە كۈن ئارام ئېلىش توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى ۋە بەگىيۈسۈپنى خاس سارىيىغا تەكلىپ قىلدى.
— بۈگۈ بىلگە ھەزرەتلىرى، ئارام ئالالماي چارچاپ كەتتىلە. دۇنيادا مېھماننى رازى قىلىپ ئۇزىتماقتىنمۇ تەس ئىش يوق. بەردەشلىق بەردىلە، يىقىلىپ قالمىغىيدى، دەپ سىلىدىن بەك ئەنسىرىگەندىم. ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بوشىشىپ كەتمىدىلە. لېكىن، ھېرىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ قالغانلىرى ماڭا مەلۇم، — ئۇ بەگىيۈسۈپنى مامۇق يۆكەندازغا تەكلىپ قىلىپ ئۆزى يېنىدا ئولتۇردى.
— يوقسۇ ئالىيلىرى. ئادەم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېرىلىپ خىزمەت قىلسا، ھەرگىز چارچىمايدۇ. لېكىن، مەجبۇرلاش بىلەن قىلىنغان ئىش ئادەمنى چارچىتىپ، بىزار قىلىپلا قويماي، داۋاملىشىۋەرسە كېسەلدىن چىقىرىۋېتىدۇ. بېقىر نورۇز بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، تولا چاپاشلاپ ئارام ئالالمىغان بولساممۇ، ئۆز شاھلىرىم، بۈگۈ بىلگە، بۇغرايلار، خانلىق ئەربابلىرى، ۋەتەنداشلىرىم ئۈچۈن قىلىنغان خالىس خىزمىتىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، — بەگىيۈسۈپ مۇلازىم سۇنغان چاينى ئالدى.
— سىزنى يۇغرۇش باشلىققا تەيىنلەش قارارىغا كەلدىم. بۇنىڭغا سىزدىنمۇ لايىق يەنە بىر بۈگۈ بىلگىنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلۈمگە ئەڭ يېقىن كىشىممۇ، ئىشەنچلىك دوستۇممۇ سىز. ھەممىشە يېنىمدا بولۇشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، — ھەسەن بۇغراخاننىڭ بۇ تىلىپى ئۆتۈنۈش تەرىقىسىدە قويۇلغان بولسىمۇ، قەتئىي رەۋىشتە قويۇلغانىدى.
— ئالىيلىرى، پېقىر ئۆزلىرىنى كۆڭۈلگە ئەڭ يېقىن ھېسابلىغاندەك، شەرتسىز ھالدا ماڭىمۇ كۆڭۈللىرىدىن شۇنداق ئورۇن بەرگەنلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مىننەتدارمەن، لېكىن يۇغرۇش باشى بولالمايمەن.
— نېمە ئۈچۈن بەگىيۈسۈپ؟ — ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
بەگىيۈسۈپ دەرھاللىققا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ داستىخاندىكى قىزارتىپ پىشقان شىرمەنانغا، ھەر خىل نازۇنېمەتلەرگە كۆز سالغىنىچە ئۇزاق ئويلىنىپ، ئاندىن دېدى:
— راستىنى دېسەم، ئالىيلىرىغا قانچە يېقىن تۇرسام، ئاۋام خەلقتىن شۇنچە يىراقلىشىپ كېتەرمەنمىكىن دېگەن ئەندىشىدىن خالىي بولساممۇ، قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىم چالا پېتى تاشلىنىپ قالارمو؟ دېگەن غەمدىن خالىي ئەمەسمەن. شۇنداقتىمۇ ئالىيلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغۇم يوق. ھاسىل كالام پەقەت ھاجىپ بولۇپ خىزمەت قىلغۇم بار، — ئورنىدىن تۇرۇپ ھەسەن بۇغراخانغا سەمىمىي تەزىم قىلدى، — ئولتۇرسىلا شاھىم، ئۆزە تۇرسىلا خىجىل بولىدىكەنمەن.
— چۈشەندىم. سىز ھاجىپ بولۇپ ئوردا خىزمىتىدە بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچقانداق ئەرباب، سىز تۇرغان يەردە ھاجىبۇل ھۇججاپلىق كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. سىز بۇغراخان نەزىرىدىمۇ، دۆلەت ئەركانلىرى نەزىرىدىمۇ، ئاۋام خەلق نەزىرىدىمۇ ئۇلۇغ ھاجىپ. سىز خالاڭ — خالىماڭ بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىڭىزگە ئېلىشىڭىز لازىم. ئالدىڭىزدا شۇنداق ئۆدە
بىرمەنكى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزغا ھېچكىم دەخلى قىلمايدۇ. مەدرىسىلەردىكى دەرىسلىرىڭىزنى ئۆتۈۋېرىسىز، كىتابىڭىزنى يېزىۋېرىسىز. ماقۇل بولۇڭ ئۇستاز، ماقۇل بولمىغۇچە ئۆرە تۇرغىنىم تۇرغان.
— ماقۇل، ماقۇل. ئاۋام خەلققە يېقىن تۇرۇپ، دەرد ھالنى ئاڭلىشىمغا پات پات يەتكۈزۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ھاجىبۇل ھۇججاب بولۇشقا رازىلىق بىلدۈرىمەن. قۇللۇق! ئەمدى ئولتۇرسىلا بۇغرام، — دېدى بەگىيۈسۈپ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئولتۇردى.
— سىزمۇ ئولتۇرۇڭ، ئۇستاز. شاگىرت ئولتۇرۇپ، ئۇستاز ئۆرە تۇرغان نەدە بار؟ — ئۇ پېشىدىن تارتىپ بەگىيۈسۈپنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى ۋە ئۆزى مەززىلىك دەملەنگەن چايدىن قويۇپ بەردى، — ئۇستاز، ئانا يۇرتىڭىز قوزئوردۇغا كەتكەي ئوردۇكەنتتە قالغانلىقىڭىز خانلىقىمىزغا نەقەدەر ساداقەتمەن ئىكەنلىكىڭىزنى ماڭا بىلدۈردى. ھەر قېتىم سىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولسام، قانداق قىلىشىم توغرىلىق يېڭى يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىمەن. بۈگۈن قاراڭغۇ دىلخانامغا يەنە بىر چىراغ ياقتىڭىز.
— ھەربىر ئادەمنى — ئۇ شاھ بولسۇن ياكى گاداي بولسۇن ھىدايەت تاپتۇرغۇچى ئاللا، بەندە ئەمەس. پېقىر ئاللا كۆڭلۈمگە سالغاننى كۆزلۈدۈم، خالاس، — بەگىيۈسۈپ قويدى، — بۈگۈن ئوبدان مۇڭدىشالدۇق، بۇغرام، لەزىز تائامدىن ۋۇجۇدىمىز ھۇزۇرلاندى. ئەمدى قايتاي، ئۆزلىرىمۇ ئارام ئالسلا.
— ئۇستاز يەنە بىرئاز ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بولدۇم. ئۆتەشكىمە تېگىشلىك رەسمىيەت ۋە ئورۇنلاش زۆرۈر بولغان بىر ئىش بار، ئولتۇرۇڭ، — ئىككىنچى قېتىم پېشىنى تارتىپ ئولتۇرغۇزدى ھەسەن بۇغراخان.
— نېمە ئىش ئىدى بۇغرام؟
— سىزگە ھاجىبۇل ھۇججاپلىق خىلئەت بېرىش. بۇ بۈگۈن
ئۆتۈلىدىغان خاسىيەتلىك رەسمىيەت. ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ئىش بولسا — ئۇزاق زاماندىن بېرى پىنھاندا تۇرغان گەنج①نى ئېچىش.
— بۇ گەنج قەيەردە ئىكەن بۇغرام؟
— بايبەگ ئىنال تېگىننىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ قورۇسىغا يوشۇرۇغلۇق ئىكەن. ئۇ تاغام مەھمۇد ئارسلانخاننى ئۇزىتىپ كىرگەندىن كېيىن ماڭا ئېيتتى. پىنھان ساقلانغان بايلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشى كۆپ ئادەمنىڭ كۆزىنى قىزارتىدۇ. ھەتتا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قورسىقىغا جىن كىرىشى مۇمكىن. قارا قوللار ئۇ بايلىققا ئۆزۈتۈلۈشى، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئېھتىمال. كۆپ ئويلاش، مەسلىھەتلىشىش ئارقىسىدا، تۇيۇقسىز چۈشۈرمەي، شۇ سىرلىق گەنجنى ئوردا خەزىنىسىگە يۆتكەش ئىشىغا باشچىلىق قىلىشقا سىزنى لايىق تاپتىم. يۆتكەشگە قاتنىشىدىغان ئادەملەرنى ئۆزىڭىز تاللاڭ. يۆتكىلىدىغان ۋاقىتنى بايبەگ ئىنال تېگىن بىلەن كېڭىشىپ بەلگىلەپ، مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، ئىشقا كىرىشىڭ. بولامدۇ ئۇستاز؟
— بولىدۇ شاھىم، ئاللا يەتكۈزگەن بايلىقنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەمرىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمەن.
— قارائال. مۇشۇنداق مۇھىم ئىشمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىپ قالىدىكەن. سىزگە بۇرۇنلا ئېيتماقچىدىم. ئەمدى كۆڭلۈم ئارام تېپىپ قالدى.
— كىچىك ئىشلار بەزى ھاللاردا چوڭ مۇھىم ئىشلارنى ئەستىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال، بۇغرام، ئەمما ئەسكە ئېلىنماي قېلىۋەرسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، خالاس.
— توغرا دېدىڭىز، دوستۇم. بايبەگ ئىنال تېگىننىڭ بۇ زور ھىممىتىدىن ھەرقانداق ئادەم ھەيران بولماي تۇرالمايدۇ. ئۆز
① گەنج — پىنھاندىكى بايلىق.
ئۆيىدىكى ئۇ گەنجىنى ئاشكارىلىمايلا، ئۆز بايلىقى ھېسابىدا ئىشلەتسە كىم گەپ قىلالايتتى؟ خانلىققا تەقدىم قىلغانلىقى — ئۇنىڭ شەخسىيەتسىز، ئالىيجاناب روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟ بۇنىڭدىن ئاجايىپ تەسىرلەندىم. — پېقىرمۇ بايبەگ ئىقبال تېگىننىڭ بۇ مەردانىلىكىدىن جۇۋانى مەرد سېخىي ھاتەم① نى كۆرگەندەك بولدۇم، ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، بۇغرام… ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان «دوستۇم، ئۇستاز» دەپ ھۆرمەتلىسە، بەگىيۈسۈپ «شاھىم، بۇغرام» دەپ ئەزىزلەپ، يەنە خېلى ۋاقىتقىچە مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشتى.
2
ئاق يىپىنغا ئايلانغان سىم — سىم يامغۇر بىر كېچە — كۈندۈز توختىماي ياغدى. ھاۋا شۇنداق ئېچىلىشى بىلەنلا قەشقەر دىيارى يېشىل تون كىيىپ، كۆكرىكىگە قىزىلگۈل قىستى. ھاۋا كۆندىن — كۆنگە ئىسسىپ كوچا — كويلار ئاپتاپقا چۆمۈلدى. بۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بەگىيۈسۈپ ئوردىغا بارماي ئۆيىدە تۇردى. دىلداربەكەمۇ تۆمەن بويىدىكى كېسەل كۆرىدىغان قورۇسىغا شاگىرت ئاتاساغۇنلارنى چىقىرىپ، ئۆزى بەگىيۈسۈپكە ھەمراھ بولدى، قېشىدىن ئايرىلمىدى. — بىر ئايدىن بېرى زادىلا دەم ئالمىدىلا بېگىم. بىر ھەپتىگىچە ھېچ يەرگە بارغۇزماي ئارام ئالغۇزىمەن، — دېدى ئۇ، ھويلىدىكى مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇرغان ئايبۇلاق بويىغا كۆرپە سېلىپ بېرىپ، يانپىشىغا ياستۇق يۆلەپ قويۇپ. — بۇغراخان ئالىيلىرى ئوردىدىكى ھەممە ئەمەلدارلارنى بىر ھەپتە دەم ئېلىشقا ئەمر قىلدى، بىكەم. مەنمۇ ئۆيدىن چىقماي يانلىرىدا بولىمەن. ئارام ئېلىش نېمىدېگەن ياخشى — ھە! —
① ھاتەم — ئەرەب رىۋايەتلىرىدە تەرىپ قىلىنغان سېخىي، مەرد باي ئادەم.
بەگىيۈسۈپ تەككىيە ئۈستىگە قويۇلغان مامۇق ياستۇققا يۆلىنىپ قولىغا فارابى ھەزرەتنىڭ كىتابىنى ئالدى.
— بۇ دېگەنلىرى راستمو — ھە ! — دېگەن دىلداربىكە ئېرىنىڭ يېنىغراق سۆرۈلۈپ، قولىدىكى كىتابنى ئېلىۋالدى، — ئۇ ئېرىگە ئۆيدە ئولتۇرالمايدىغان كېسەللىرى بار ئەمەسمۇ؟ ھېلى بىرەر — ئىككى بۇرادەرلىرى كېلىپ قالسا چىقىپ كېتىپ قالالامسىز؟ لېكىن، بۇ قېتىم دەرۋازىدىن چىقارمايمەن، — ئۇ ئېرىگە زەپە سېلىپ دەملىگەن چاينى تۇتتى، — ئۆيدە بولغان چاغلىرىدا كىتابقا بىر قارىۋالسىلا ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ كېتىلا، گويا ئۆيدە ئادەم يوقتەك.
— دۇنيادىكى ھەممە ئاجايىباتنى ئۇنتۇپ كەتسەممۇ، ساھىبجامال بىر بىكەم بار، ئۇنى ئۇنتۇيالمايمەن، ئانىسى. ئۇ يېقىن ئوقۇسام — ئوقۇسام تۈگىمەيدىغان ناھايىتى ھېكمەتلىك قىزىق كىتاب، — بەگىيۈسۈپ دىلداربىكەگە مەنىلىك قاراپ قويدى.
— مۇنداق دېسىلە. ئەجەب مەنمۇ كۆرمەپتىمەنلا ئۇ قىزىق كىتابنى؟ قەيەرگە قويۇپ قويدىلا؟ ئېچىپ بېرى، — دىلداربىكە بەگىيۈسۈپنىڭ مۈرىسىگە قولىنى تەرەپ ئورنىدىن تۇردى.
— ئەجەب بۈگۈن بىلمىگەن، ئوقۇمىغان بولۇۋالىدىغۇ بىكەم؟ مەن دېگەن كىتاب باشقا يەردە ئەمەس، مانا، — دېدى ئۇ تېزلا جىلىتكىگە يوشۇرۇپ تۇرغان ئوتلۇق كۆكرەك ئۈستىگە قولىنى قويۇپ، — ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىدىغان، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بۇ ھېكمەتلىك كىتابنى مەن ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ئانىسى. مەن ئۈچۈن سىلى ئەنە شۇنداق سېھرىپەس تۈگىمەيدىغان خىسلەتلىك كىتاب، — بەگىيۈسۈپ جاناننى باغرىغا باستى. دىلداربىكە يىغلىۋەتتى.
— نېمىشقا يىغلايلا بىكەم؟ نازۇك كۆڭۈللىرىنى چىگىپ قويىدىغان گەپ قىلمىدىمغۇ؟
— مەن قولۇمغا ئىشەنمەي قىلىۋاتىمەن، بېگىم. بۇ
795
سۆزلەرنى سىلى ماڭا دەۋاتاملا - هه؟! مەن بۇنىڭغا مۇناسىپمۇ؟ سىلى مەن ئۈچۈن ئەنە شۇنداق خاسىيەتلىك كىتاب. مەن بۇ كىتابقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىگىرمە بەش يىل سەپەر قىلىپ كەتتىم. يىگىرمە بەش يىل مۇبارەك ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ياش تۆكتۈم. ھېچكىمگە كۆڭۈل بەرمىدىم. تەڭرىم تىلىكىمگە يەتكۈزۈپ بۇ خىسلەتلىك كىتابقا ئاقىۋەت ئېرىشتۈردى. ئىلگىرى ۋاراقلىرىدا يىغلىغانىدىم. ئەمدى ۋىسال شادلىقىدىن سۆيۈنۈپ يىغلاۋاتىمەن. شېرىن - شېكەر، دەردىمگە داۋا سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىغلاۋاتىمەن، - دېدى ئۇ ھاۋا ئوچۇق چاغدا يامغۇر يېغىپ كەتكەندەك، كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن تەرەم - تەرەم ياش تۆكۈپ.
- مانا مۇشۇ تۈرۈكلىرى - مەنەسىنى يەشكىلى بولمايدىغان كىتاب، بېكەم.
- سىلىنىڭ مۇشۇنداق خىيالچان نەزەر تاشلاپ ئولتۇرۇشلىرىمۇ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان كىتاب، بېگىم.
- سىلى مەن ئۈچۈن، مەن سىلى ئۈچۈن كىتاب. ھەربىر ئادەم بىردىن كىتاب. بۇ كىتابنى تەڭرى يازغان. بۇنداق كىتابنى يېزىپ چىقىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. كېلىدىغىنى ئۆز تۇرمۇشىنى يۈزەكىلا خاتىرىلەشتۇر، بېكەم. ئىنسان ئۆزىنى تونۇشى، بىلىشى، چۈشىنىشى، تەتقىق قىلىشى لازىم. ئۆزىنى بىلمەي، چۈشەنمەي تۇرۇپ بۈگۈنكىگە، بۈگۈن بولالمايدۇ. نادانلىق ئۆزىنى تونۇماسلىق، بىلمەسلىكتۇر. يۈز بەرگەن، يۈز بېرىۋاتقان كېلىشمەسلىك، ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئالدى بىلەن نادانلىق سەۋەبچىدۇر. خەلقىمىزنىڭ كۆپى نادان، نامرات، ئادالەتكە، شەپقەتكە موھتاج. يېقىنقى يىللاردىن بېرى دەۋران سۈرگەن خاقانلىرىمىز ھاكاۋۇر، بىلىمسىز، بىرەھىم بولغاچقا، خەلقنىڭ ھالىغا يەتكۈدەك يەتمەي كەلدى. مانا بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۆزىڭىز ھەم ھېكمەتلىك ھەم ئىبرەتلىك كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلگەن، چۈشەنگەن، ئىسلاھ
قىلىشقا جۈرئەتلىك ئادىل پادىشاھلا ئاۋامنى نادانلىق كۆلپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاراغەت بوستانىغا باشلىيالايدۇ… — بېگىم، سۆھبىتىمىز سۆيگۈ قەسرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى. كۆڭۈل ئارامىمىز بۇزۇلۇپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. يەنىلا ئارزۇ دۇلدۇلىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، سۆيگۈ سارىيىدىن چىقارمىغايلا، — دىلداربەكە يۇمران ئالقىنى بىلەن ئاراقشىپ قايناۋاتقان زۇۋاننى توۋاقلىدى. — توغرا، توغرا بېكەم، ئوبدان دېدىلە. ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەي، بۇرچىنى ئادا قىلماي ياشاۋاتقىنىدىن ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ قايناپ قالدىم. مۇشۇ بىرنەچچە كۈن جاھان غوۋغالىرىدىن نېرى تۇرۇپ، مېڭەمنى ئارام ئالدۇرۇۋالغۇم بار. بۇ راھەتنى جان ئۆيۈمدىن زادىلا چىققۇم يوق. — كىتاب ئوقۇش، نەزم يېزىش، خىيال سۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟ — يوقسۇ قەدىرلىكىم، ئاق بەتلىرگە ئەمەس، نازىنىڭ مەشۇقۇمنىڭ قارا كۆزلىرىگە، ئاي يۈزىگە ئېشئار يېزىش ئۈچۈن. شېرىن بوسەڭدىن خۇدۇمنى يوقىتىپ، سۆيگۈ ھۇزۇرىغا چۆمۈلۈش ئۈچۈن. ۋاقىت ئېشىپ قالسا كىتاب ئوقۇپ، پىكىر قىلىپ، تەسەۋۋۇرۇمنى قاناتلاندۇرۇش ئۈچۈن. — بۇ قېتىم ۋاقىت ئاشمايدۇ، بېگىم. كىتابمۇ ئوقۇمايلا، قوللىرىغا قەلەممۇ ئالمايلا. پەقەت ناماز ئوقۇشلىرىغا ئىجازەت قىلىنىدۇ… ئۇلارنىڭ بۇلاققا چۈشكەن شولىسى تەۋرىنىپ تۇراتتى. بەگىيۇسۇپنىڭ ئۆسۈپ قالغان ساقىلى بولدۇقلىغان بۇلاقتا يېپىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. دىلداربەكە كۈمۈش تاغاقى بىلەن بەگىيۇسۇپنىڭ ساقال - بۇرۇتىنى ئۇزاق تارىدى. ئۇنىڭ ئۈچىسىنى سىلىدى. — ئەمدى كىتاب ئوقۇشلىرىغا ئىجازەت. مەن تاماق ئېتەي، — دەپ ئورنىدىن تۇردى ئۇ. ھوزۇرلوق دەم ئېلىشنىڭ ئىككىنچى - ئۈچىنچى كۈنلىرى
ئەنە شۇنداق سۆيۈش، سۆيۈنۈش ئىچىدە ئۆتتى. بەگىيۈسۈپ تولىراق تۇغۇلمىغان ئوغلىنىڭ تېپچەكلىرىنى قۇلاق يېقىپ تىڭشىدى… تۆتىنچى كۈنى قوللىرى باغلانغان بەگتاش جېلىل ھويلىغا كىرىپ كەلدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈگۈن بەگكە ھاجىپ ئاغا، ئالدىڭىزغا گۇناھكار تەنلىرى بويۇن قىسىپ كەلدى. قانداق جازاغا تارتسىلا ھەق بولىدۇ، — دېدى ئۇ يەرگىلا تىزلىنىپ.
ئاينۇلاق بويىدا گىلەم ئۈستىگە سېلىنغان يەكتەندازدا ئولتۇرۇپ، كىتاب كۆرۈۋاتقان بەگىيۈسۈپ بۇ چاقىرىلمىغان مېھماننى كۆرۈپ شۇ ئان قوپتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بەگتاش جېلىل، بۇ نېمە ئالامەت؟ — دەپ سورىدى بىلىمسىلىككە سېلىپ.
— مەن ئاللا ئالدىدا گۇناھكار. ئۆزلىرىگە يۈزسىزلىك قىلدىم، ئاتا — ئانامغا بىھۆرمەتلىك قىلدىم، خاتۇن — بالىلىرىمغا جەبىر — زۇلۇم قىلدىم. قازى ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ جازالاشقا تاپشۇرغايلا، ئۇستاز.
بەگىيۈسۈپ بىر ھازا سۈت يېپىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوللىرىنى باغلاقتىن بوشاتتى.
— ئولتۇرۇڭ، بەگتاش جېلىل. گۇناھنى تونۇپ توۋا قىلغان بەندىسىنى ئاللا كەچۈرىدۇ. ئاڭلىسام، ئىلگىرى تاپشۇرمىغان باج بەدەلنى ئۈچۈن ئوردا باجگىرى — ياساق بېگىگە مىڭ تىللا تاپشۇرۇپسىز. دىۋان ئارىزا سىپاھلارغا كىيىم — كېچەك قىلىش ئۈچۈن يۈز تاي رەخت ئىئانە قىلىپسىز. نامرات — مىسكىن غېرىبلارغا، يېتىم — يېسىرلارغا پۇل — مال ئۈلەشتۈرۈپسىز. بۇلار توۋىڭىزگە ئەمەل قىلغانلىقىڭىزنى، گۇناھىڭىزنىڭ ساقىت بولغىنىنى كۆرسىتىدۇ.
بەگتاش جېلىل تىزلىنىپ ماڭغىنىچە بەگىيۈسۈپنىڭ ئايىغى ئاستىغا باش قويۇپ يىغلىۋەتتى. زۇۋان سۈرەلمىدى.
— تۇرۇڭ ئوغلۇم، تۇرۇڭ. دۇنيادا ئازمايدىغان بەندە يوق.
گۇناھىڭىزنى تونۇسىڭىز، قايتىلمىسىڭىز، ۋەدەڭىزگە ئەمەل قىلسىڭىز، يەنە نېمىشقا جازالىغۇدەكمەن؟ بەگىيۈسۈپ ئونى يېقىندىلا ئولتۇرغۇزدى، ھازىر قايسى ئۆيدە تۇرۇۋاتىسىز؟ چوك خوتۇنۇم ئۆيىدە. ئونى تالاق قىلىۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىغاندىممۇ؟ سەپەردىن قايتىپ كېلىپلا نىكاھ قىلدۇرۇۋالغانىدىم. ئوردۇكەنتتە يەنە قانچە تۇرالغۇڭىز بار؟ شەھەر ئىچىدە ئىككى جايدا، شەھەر سىرتىدا بىر بېغىم بار. دېمەك، ھازىر ئۈچ خوتۇنىڭىز بار ئىكەن دە؟ شۇنداق، ئاغا. ئۈچىلى خوتۇنىڭىز سىزدىن رازىمۇ؟ رازى قىلماق بەسى مۈشكۈل ئىكەن. ئىنساب قىلماي كەينى كەينىدىن ئۈچ خوتۇن ئېلىپ بىر قورۇدا ئۆي تۇتۇپ بەرگەنىدىم. تولا جېدەل قىلىشىپ، ئاخىر ئايرىم ئۆي تۇتۇپ بەردىم. ئۆزئارا جېدەل بېسىققان بولسىمۇ، ماڭا ماي تارتىپ قىلىۋاتقان ئۇرۇش تالاشلىرى بېسىقمايۋاتىدۇ، ھاجىپ ئاغا. بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، رازى قىلالماپسىز دە؟ رازى قىلالمايۋاتىمەن، ھاجىپ ئاغا. ئۇنداق بولسا قايسى خوتۇنىڭىزغا كۆڭلىڭىز بولسا ئېلىپ قېلىپ، قالغانلىرىنىڭ چىرايلىقچە مېھرى ھەققىنى بېرىپ قويۇۋېتىڭ، ئۇلارمۇ خورلۇقتىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقسۇن، ئۆزىنى رازى قىلالايدىغان ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسۇن. بۇنى ياخشى دېدىلە، ھاجىپ ئاغا. پېقىرمۇ بىر خوتۇن بىلەن قېلىپ، قالغىنىنىڭ خېتىنى بېرىش خىيالىغا كەلگەن بولساممۇ، يامان بولارمىكىن، دەپ بېشىم قاتقانىدى. يامان بولىدىغان ئىش خوتۇننى رازى قىلالماسلىق. خوتۇن كىشى مېھىر كۆيۈمگە موھتاج. بىر قانچە خوتۇنغا بىر ئەرنىڭ
تەك كۆيۈنۈشى، مېھرىنى تەڭ بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خوتۇنلارنىڭ رازى بولماسلىقى — ئەنە شۇ تۆپىلىكتىندۇر. مەسلىھەتىم قوبۇل كۆرۈلگەن بولسا، قايسى خوتۇنىڭىز بىلەن قېلىش نىيىتىگە كەلدىڭىز؟ بەگتاش جېلىل دەرھال جاۋاب بەردى: — چوك خوتۇنۇم بىلەن قالاي، ھاجىپ ئاغا. بالىلىرىمنىڭ كۆپى ئونىڭدىن تۇغۇلغان. قىز چېغىدا ئەمرىمگە ئالغان، جاپايىمنىمۇ كۆپ تارتقان قەدىناس. ئاتا ئانىسىمۇ تۈگەپ كەتكەن. — ياخشى ئويلاپسىز، ئىنىم. نەپسىنى يىغالمىغان ئادەم ھەر بالادا يولۇقىدۇ. خوش، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەمدى ئېيتىڭا، ئاتا ئانىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىزدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟ — بەگىيۈسۈپ ئونىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي جاۋاب كۈتتى. — ئەپۇ سورىدىم، ھاجىپ ئاغا. بەگىيۈسۈپ ھەزرەتلىرى كەچۈرسە بىزمۇ كەچۈرىمىز، دېيىشكەنىدى، شۇڭا ئالدىلىرىغا كېلىشىم. — مەن كەچۈردۈم، ئىنىم، — بەگىيۈسۈپ ئونىڭغا چاي سۇندى، — ئادەم ھاياتىدا خاتالىقتىن، گۇناھ سادىر قىلىشتىن خالى بولالمايدۇ. گەپ — ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى بوينىغا ئېلىپ، توۋا قىلىشتا. ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە، ئىسلامغا جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان، قان تۆككەن، ھاكاۋۇر ئەبۇ سۇفيان① باش ئېگىپ توۋا قىلغاندا، ئۇنى كەچۈرگەن. كىشىنىڭ ئەيبىنى ئاچماسلىق، ئەپۇچان بولۇش مۇسۇلمانى كامىلنىڭ پەزىلەتلىرىدىندۇر. داستىخان كۆتۈرۈپ چىققان دىلداربىكە ئېرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاكىسىنى كۆرۈپ تەرى تۆرۈلدى. سوغۇقلا سالاملاشتى. تاماقتىن كېيىن خالىمىغان ھالدا ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
① ئەبۇ سۇفيان — ئەينى زاماندىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ باشلىقى. ئۇ ئاخىرىدا ئېتىقاد قىلىپ مۇسۇلمان بولغان.
— بېگىم، ئاكامنىڭ شۇملۇقلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆيگە كىرگۈزگەنلىرى نېمىسى؟! يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇپ، بىللە تاماق يېگەنلىرىنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم. ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۆزىنى قويۇشقا ئەرزىمتى؟
دىلداربىكەنىڭ ئاچچىقلىنىپ ئارقا - ئارقىدىن قويغان سوئالىغا بەگىيۈسۈپ دەرھال جاۋاب بەرمىدى. خوتۇنىنىڭ ئاچچىقى بېسىلغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ دېدى:
— بېكەم، قەدىرلىك بېكەم، گۇناھنى ئەپۇ قىلىش ئاللاھقا خاستۇر، ھەر قانچە ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان بولسىمۇ، تونۇپ توۋا قىلغان ۋە قايتىلىمىغان بەندىسىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى «قۇرئان كەرىم»دە بىر قانچە ئايەتتە قەيت قىلغان. شۇنداق ئىكەن، بىز بىر - بىرىمىزنى ئەپۇ قىلمىساق، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغان بولمامدۇق؟ ئاكىلىرى گۇناھىنى تونۇپ، توۋا قىلىپ يامان ئادەم ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان تۇرسا، ئۇنى ئەيىبلىۋەرسەك بولامدۇ؟
— سىلى نېمىدېگەن باغرى يۇمشاق ئادەم — ھە! يۈرسىلە، تاھارەت ئېلىشقا سۇ تەييارلاپ قويدۇم، پېشىن نامىزىنى ئوقۇۋېلىپ بىردەم ئۇخلىۋالسىلا، — دىلداربىكە ئۇنى ئىچكىرى ھويلىدىكى ئارامگاھىغا ئەكىرىپ كەتتى.
ئەتىسى بەگتاش جالالدىن ئوغۇللىرى بەگتاش خېلىل، بەگتاش جېلىللار بىلەن بىللە كەلدى. قارىغاندا ئاتىسى، ئاكىسى بەگتاش جېلىلنى كەچۈرگەندەك قىلاتتى. كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان گەپلەر بولۇندى. كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئەھۋاللار توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىشمىدى.
ئۇ كۈنى ئالىپ ئېلىزادەبەك بىلەن بۇۋىئايىشە بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ كېچىلەپ كېتىشتى.
— بۇۋىسقا ھەمراھ بولسۇن، بالا سېغىنىپ قالىدىكەنمىز، — دەپ جانىبىدا غوجامنى دىلداربىكە ئېلىپ قالدى.
3
بەگىيۈسۈپ ئۆز ئۆيىدە جاھان غەملىرىدىن نېرى بولۇپ يەنە بىر كۈننى ئۆتكۈزدى. ئەتىسى ئەتەگەندە ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپ، مۇھەممەد ئەلى كاشغەرىي باشلىق ساچىيە ۋە خانلىق مەدرىسەسىنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىرى كېلىشتى. بەگىيۈسۈپ ئادەم ئەۋەتىپ بەگتاش خېلىنىڭ دۆلەتباغدىكى قورۇسىدا تۇرۇۋاتقان ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم بىلەن ئاشان بۇقانى چاقىرتىپ كىردى. ھەممەيلەن تاشقىرىقى ھويلىنىڭ بالىخانىسىدا ئولتۇرۇشتى. بۇ ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ئارقىلىق قەشقەر باھارىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. ئۇلار ياشانغىنىغا قارىماستىن بالىخانىدا ئولتۇرۇشنى ئۆزلىرى تەلەپ قىلىشقانىدى. يۈز ئون بەشكە قاراپ ماڭغان ئاشان بۇقامۇ ئالىم، ئەدىبلەرنىڭ سۆھبىتىدىن مەھرۇم قالماي دەپ، يۆلەنچۈك، يۆلەتكۈچ قىرىق باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن چىقىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى.
— كۈچ بار ئىكەن، چىلىشقا چۈشكەندىمۇ ئۆزىڭىزدىن يىگىرمە ياش كىچىك بوۋاينى يىقىتەتتىڭىز ئەمسە، ھەقىقىي ئەزىمەت بوۋاي ئىكەن. ئوردۇكەنتنىڭ لەۋەن قىزلىرىدىن بىرنى تاللاپ ئېلىپ بەرسەك بولغۇدەك، — دېدى ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپ ھەزل قىلىپ.
— ئاشان بۇقانىڭ ئەر پالۋانلارغا كۈچى يەتكەن بىلەن قىزلارغا كۈچى يەتمەسمىكىن، — مۇھەممەد بىننى ئەلى كاشغەرىي بوۋاينىڭ كۆكرىكىگە يېپىلىپ تۇرغان ئاپپاق ساقىلىغا ئىما قىلىپ كۈلدى، — ناۋادا قىز ئېلىپ بەرسەك ساقىلىغا يامىشىۋېلىپ، ھالسىرىتىپ قويارمىكىن.
ھەممەيلەن قاينىغان چۆگۈندەك پاراقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى.
— دۇنيا ئىشلىرىغا باھا بېرىشتە خاتالاشمايدىغان بۈگۈ
802
بىلگە، بوغۇچلىرىم، پېقىرغا باھا بېرىشتە خاتالىشىپ قېلىشىۋاتىدۇلا. بىر ئەمەس، تۆت قىز ئېلىپ بېرىشسىمۇ سۆيگۈ قەلئەلىرىنى كۆمپەيكۇم قىلىۋېتەلەيمەن، ھا - ھا - ھا…
بەگىيۈسۈپ قولىنى تىزىغا ئۇرۇپ ھەممىدىن بەكرەك كۈلۈپ كەتتى:
— يۈز داۋاندىن ئاشقان بۇ بوۋاينى بوش چاغلىماڭلار. بەلباغنى قانداق باغلىغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يېشەلمەيدۇ. ئۆزۈڭلارنىڭكىمۇ سەپىلىڭلار. ئەنە مەزلۇملار باغلاپ قويغاچقا، تېگىپ قويسىلا يېشىلىپ كېتىدىغاندەك بوش تۇرغىنىنى! پېقىرمۇ بەلباغ باغلاشنى ئاشانبوۋادىن ئۆگەنگەن.
ئالىملار كۈلۈشۈپ بالىخاندىن چاك چىقىرىۋەتتى.
ياشراق بولغان ساچىيە مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى ئاشانبوۋانىڭ بەلبېغىنى يېشىپ باقماقچى بولۇپ، خېلى ھەپىلەشكەن بولسىمۇ يېشەلمىدى.
— مەن يېشىپ باقايچۇ ئالىپ بوۋا؟ — دېدى بەگىيۈسۈپ.
— ياق، بۈگۈ بىلگە، ھەزرەتلىرىگە مەن ئۆگىتىپ قويغان. بۇ سىرنى باشقىلار بىلىۋالسا، بەلباغ باغلاشنىڭ خاسىيىتى تۈگەپ كېتىدۇ. پېقىر قارا قورساق بولساممۇ، سىلەرگە شۇنى دەپ قوياي بوغۇچلىرىم: بەلباغنى چىڭ باغلىغان ئادەمنىڭ تېنى ساق، غەيرىتى ئۈستۈن بولىدۇ، بوزەك بولمايدۇ. بالىلىرىڭلارغا، نەۋرىلەرگە بېلىنى چىڭ باغلاش توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىڭلار. قىز بالا غونچە گۈلۈڭلارگە بېشىغا رومال سېلىشنى، ياغلىق چىگىشنى تەشەببۇس قىلىڭلار. گۈزەل چېھرىنى، قۇندۇز چاچلىرىنى توپا - توزاڭدىن، داغ چۈشۈشتىن، بىھايالارنىڭ نومۇسسىز نەزىرىدىن ساقلايدۇ. ھەزرەتلىرىمگە نەسىھەت قىلىش سالاھىيىتىم بولمىسمۇ، دېگەنلىرىم مەڭگۈلۈك ھەقىقەت. مەن شۇنداق قىزىق بوۋاي.
ئاشانبۇقا مۆھتەرەم، سىلىق - سىپايە بۈگۈنكىدەك روھلاندۇرۇۋەتتى. ئۇلار جەمئىيەت، شەيئىلەر ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرە قىلىشتى. ئاندىن ئۆتمۈشنى ئەسلىشىپ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇپ، راۋاجلىنىپ بۈگۈنكى دەۋرگە يېتىپ كەلگەنلىكى، بولۇنغان جەڭ - ماجىرا، ئاپەت، ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشتى ۋە ھەممە ياخشىلىق - يامانلىق ئادەمگە ۋە نىيەتكە باغلىق، دەپ خۇلاسە قىلىشتى. پادىشاھ ئەلگە سادىق بولسا، ئاۋاممۇ پادىشاھقا سادىق بولىدۇ، دېگەن نەتىجىگە كېلىشتى. بەگىيۈسۈپ خانلىقنى باشقۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇشتا، ئادالەتكە، ھەققانىيەتكە توسالغۇ، قارشى بولغان بارلىق ئەنئەنىۋى تۈزۈم - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، دۆلەت ئەربابلىرىنى قانداق تاللاش، خىزمەتكە قويۇش توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى سۆزلەپ، ئالىملارنى قايىل قىلدى. ئۇلار ئاي چىققاندا ئوزاشتى.
— يائاللا - يائاللا بېگىم، خۇدا بەرگەن ئارامنىمۇ ئالغىلى قويمىدى، ئەتەدىن باشلاپ ھېچكىمگە ئىشىك ئاچمايمەن جۇمۇ، — دېدى دىلداربىكە بەگىيۈسۈپنىڭ تونىنى سالدۇرۇپ.
— سىلىدەك كۆيۈمچان خاتۇنغا ئېرىشتۈرگەن خۇداغا شۈكۈر، — بەگىيۈسۈپ ئۇنى قۇچاقلىدى، — سۆزلىرىدە چاقچاق تۇرسىلا، بىكەم.
دىلداربىكە ئەتىسى سەھەردىلا تۇرۇپ كەتتى. بەگىيۈسۈپكە ناشتىلىق تەييارلاۋاتقاندا ئىشىك قېقىلدى. ئۇ ئىشىكنى ئاچارمۇ، ئاچماسمۇ؟
4
ئىشىك قاققان يات كىشى ئەمەس، ئېلىزادەبەك ئىدى. سۇلتانبەك ئۇنى ھويلىغا باشلاپ، بەگىيۈسۈپكە خەۋەر قىلدى.
— بىكەم ئۆيگە باشلايمىزمۇ ياكى قايتۇرۇۋېتىمىزمۇ؟ —
دېدى ئۇ چاي قويۇۋاتقان خاتۇنغا ئىلىق نەزەر تاشلاپ.
— كۈيۆئوغلىمىزنى قايتۇرۇۋەتسەك يۈزىمىزگە سەت بولار، ھاجىپ، — ئېتتەك ئورنىدىن تۇرغان دىلداربېكە رومىلىنى ئوخشاپ ئارتىپ، بەگىيۈسۈپكە يەكتىكنى ئېلىپ بەردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاباللىرىم، بۇۋاقىت كېلىپ بىسەرەنجان قىلغان بولسام، ئەپۇ قىلىشقايلا، — دېدى ئېلىزادەبەك ئۆيدىن چىقىشقان قېيىنئاتا — قېيىنئانىسىغا سالام بېرىپ.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام. قۇتلۇق قەدەملىرى ئائىلىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي، — بەگىيۈسۈپ قول بېرىپ كۆرۈشتى.
دىلداربېكە تىنچلىق — ئامانلىق سورىدى، ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
— بۈزرۈكۋارىم، ھەسەن بۇغراخان بىلەن بايبەگ ئىنائەت تەگكەن ئۆزلىرىنى ئوردىدا كۈتۈپ قالدى. ئۆيگە كىرسەم ھايال بولۇپ قالارمىزمىكىن.
نېمە ئىش ئىكەنلىكى بەگىيۈسۈپكە مەلۇم بولغاچقا، دىلداربېكەگە قارىدى. ئۇ دەرھال ئۆيدىن تون بىلەن سەللە يۆگەكلىك بۆكنى ئېلىپ چىقتى.
— كېچىكە قالماي بۇرۇنراق كېلىلا، ئاتىسى، — دەپ ئۇزىتىپ قالغان خاتۇنغا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ماڭغان بەگىيۈسۈپ ئېلىزادەبەك، سۇلتانبەگلەر بىلەن بىللە يېڭىلا قوز ئوردۇ سەپىرىدىن يېنىپ كەلگەن ئارسلان، ئەركاناتلارنى ئېلىپ ئوردا تەرەپكە قاراپ يۈردى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان، ئىنائەت تەگكىنلەر ھاجىبۇل ھۇجرا سارىيىدا ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.
— دەم ئېلىشىڭىزغا دەخلى قىلدۇق، بەگىيۈسۈپ. بايبەگ ئىنائەت تەگكەن پىنهان گەنجى پادىشاھ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇۋېتىپ بارىغانغا ماڭماقچى بولۇۋاتىدۇ، — دېدى بۇغراخان.
— تەڭرى نېسىپ قىلغان بولسا بۈگۈن ئەپلىۋالغىنىمىز خوپتۇر، ئالىيلىرى. بۇ ھەقتە ئۆزلىرىدىن ئاڭلىغان كۆڭۈل
ئاغزى چىڭ، ئىشەنچلىك، قەيسەر ئەزىمەتلەرنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغانىدىم، مانا، ئەسئەتان، ئارسلانلار مۇشۇ ئىش ۋەجىدىن يېقىنلا سەپەردىن قايتىپ كەلدى. ئۇلارنى ئېلىپ كەلدىم. — ئۇنداق بولسا بىز ماڭايلى، ئالىيلىرى، — بايبەگ ئىقبال تېگىن قوپتى. — گەپنى ئەل كۆزىدىن پىنھان تۇتۇش توغرى، قاراقچى، خىيانەتچىلەرگە بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈندۇر. بەكمۇ ئېھتىيات قىلىڭلار. — باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. ئۇ بايبەگ ئىقبال تېگىن بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىققاندىن كېيىن، ئېلىزادەبەگ، سۇلتانبەگ، ئەسئەتان، ئارسلانلار بىلەن سودىگەرلەردەك كىيىنىپ، كەتەمەن بازارىنىڭ دوقمۇشىغا كەلدى. كوچىنىڭ ئىككى قاسىنىدىكى چوك — كىچىك دۇكانلاردىن بولقا — بازغاننىڭ جاڭ — جۇڭ، تاڭ — توڭ قىلغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆيۈك پۇھلەپ لوقراپ يانغان ئوتتا قىزىرىپ تاۋلانغان تۆمۈرلەر سەندەلگە قويۇلۇپ سوقۇلۇۋاتاتتى. دۇكانلارغا كۆز سېلىپ ماڭغان بەگىيۈسۈپ ھالقا — ھالقا تۆمۈر ئىشىكتىن جىمىجىت قورۇغا كىردى. — رەھمەتلىك ئاتام بار چاغدا، بۇ قورۇنىڭ ھويلىسىدا سەكسەندىن ئارتۇق قورال — سايمان ياسايدىغان دۇكانلاردا كېچە — كۈندۈز ئاش قاينايتتى. ئادەمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، — دېدى بايبەگ ئىقبال تېگىن ئوچاقلىرى چىقىلغان، سەندەللىرى ئوقتەي — توختەي قىلىۋېتىلگەن دۇكانلارنى كۆرسىتىپ. — نېمىشقا بۇنچە ۋەيران بولۇپ كەتكەن؟ — سورىدى سۇلتانبەگ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ. — سىز بىلمەيسىز ئىنىم، قان ئىچەر جاللات مۇڭسۇز ئىبراھىم تېگىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن كېلىپ ئاتامنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇستىلارنى تەزدۈرۈۋەتكەن. مانا شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئاپات قورۇ
ۋەيران بولغان. يەر ئاستى ئۆيگە مۆكۈنۈۋالغان ئاباملا بىر دېھقان بىلەن ئامان قالغان، — ئىقبال تېگىن ئېغىر تىندى.
— پىنھان گەنج توغرۇلۇق ئانىلىرى خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ — دە، ئالىيلىرى، — سۆز قىستۇردى بەگىيۈسۈپ.
— شۇنداق، ھاجىبۇل ھوججاپ، ئابام ماڭا يوشۇرۇن گەنج توغرۇلۇق مەكتۇپ ئەۋەتكەنىدى. ئوردۇكەنتكە كەلگىنىمدىن كېيىن بۇ مەخپىيەتلىكنى قېيىنئاتام توغرۇل قاراخانغا ئېيتماقچى بولغانىدىم. ئويلا — ئويلا چۈشۈمگە زاھىر بولۇپ، ئابامنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا ئاشكارىلىدىم ۋە گەنجنى پادىشاھلىق خەزىنىگە تاپشۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. بۇ گەنج راستلا بارمۇ؟ بۇ نامەلۇم. ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قىدىرىپ كۆرسەك بەلكىم گەنج تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئاۋۋال ئابام بىلەن كۆرۈشەيلى.
بايىبەك ئىقبال تېگىن ئۆلارنى باشلاپ، قورو ئىچىدىكى ئۆيدىكى يەنە بىر سارايغا ئېلىپ كىردى. بۇنىڭ ئىچىمۇ ئەۋرەختەن — پەيرەختەن قىلىۋېتىلگەنىدى. ساراينىڭ ئوڭ بۇلۇڭىدىكى كىچىك ئىشىكتىن يەنە بىر قاراڭغۇ ئۆيگە، ئۇنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىشىكتىن سوزۇنچاق غۇۋا يورۇق دالان ئۆيگە چىقىشتى. پۇختا ياشالغان ئۇزۇن ياغاچ شوتا تامغا قويۇقلۇق ئىدى. ئىقبال تېگىن «قېنى يۇقىرى چىقايلى» دېگەن مەنىدە، قولى بىلەن شوتىنىڭ يۇقىرى ئۇچى تەرەپلىك يوچۇقنى كۆرسىتىپ قويۇپ، ئۈستۈن كۆتۈرۈلدى. باشقىلارمۇ بىر — بىرلەپ شوتىغا چىقىپ، ئاشۇ يوچۇق ئارقىلىق چوڭ بىر ئۆيگە كىرىشتى. تۈڭلۈكتىن يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى. ئىقبال تېگىننىڭ باشلىشى بىلەن بۇ ئۆيدىن چوڭ بىر توپ ئۆجمە سايە تاشلىغان ھويلىغا قەدەم قويۇشتى. پاكىز سۈپۈرۈلۈپ كۆك مۇز قىلىۋېتىلگەنىدى. خوتەن زىلچىسى سېلىنغان سۇپىدىكى جايناماز ئۈستىدە چاچلىرى ئوچتەك ئاقارغان پەرىشتە سۈپەت بىر موماي ئولتۇراتتى. بۇ مەرھۇم ھارۇن بۇغراخاننىڭ كەنجى
قىزى مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم ئىدى، ياشانغان بولسىمۇ تېخىچە تېتىك ئىدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈزرۈكۋارىم ئابا، ئەھۋاللىرى نېچۈن؟ — دەپ ھال سورىدى ئىقبال تېگىن بىر تىزىنى پېشايۋان سۇپىسىغا قويۇپ.
— خۇداغا شۈكۈر، بالام. ئالىپ ئاتاڭنىڭ روھىغا ھەمراھ بولۇپ چىراغنى ئۆچۈرمەي كېلىۋاتىمەن. ھەر كۈنى كېلىن بالام بىلەن يوقلاپ مېنى ناھايىتى خۇش قىلدىڭ. سىلەر كەلگەندىن بۇيان ئۆپكەمنى چاتىدىغان ئوغلۇم بار بولدى، دەپ روھلىنىپ قالدىم. مۇبادا سەن كەلمەي جان ئۈزگەن بولسام، پىنھان گەنج يەر ئاستىدا قالغان بولاتتى. قاچان ئۇ گەنجنى ئاچىسەن بالام؟ — دېدى مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم ئوغلۇمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ.
— مانا بۈگۈن خۇدا بۇيرۇسا گەنجنى ئاچىمىز ئابا، ئۇنى پادىشاھ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ، سىلىنى بارسخانغا ئېلىپ كېتىمەن.
— ياق، ياق، ئوغلۇم. مەن كەتسەم ئاتاڭنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمامدۇ؟ بۇ ئۆيگە قىز چىقمىدا كىرگەن. مېيىتىممۇ مۇشۇ ئۆيدىن چىقمىسا ئۇلۇغ ئاتاڭنىڭ روھى قورۇنمامدۇ؟ ياق، ياق، ئوغلۇم، بارسخانغا سەن كېتىۋەرگىن. توغرۇل قاراخانمۇ تېزلىپ قىلىپ مېنى ئوردىغا ئېلىپ بارالمىغان. مەن ئىشقىم چۈشكەن، ئۈسالغا يەتكەن، بىرلا سېنى تەۋەللۇت قىلغان مۇشۇ ئەزىز ماكاندا قالىمەن، — مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم ئوغلۇمنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى، — ئۆمرۈم ئاز قالدى، بالام. مېنى ئېلىپ كېتىمەن دېمىگىن. ئاھ، خۇدا…
— كەچۈرسىلە، بۈزرۈكۋارىم. مەن ئالدىلىرىدا گۇناھكار، خىزمەتلىرىدە بولالمىدىم، ھەرەمگە ئېلىپ بارالمىدىم. بارسخانغا بارمىسلا قانداقمۇ خىزمەتلىرىدە بولالايمەن؟ — ئىقبال تېگىننىڭ كۆز ياشلىرى ئانىسىنىڭ كۆكسىگە تاراملىدى.
— يىغلىما ئوغلوم. ئوغۇل دېگەن كۈرۈشكە يارالغان، ئانا بولسا يىغلاشقا. مەن يىغلاي، سەن كۈل. ئەل خىزمىتىدە بولغىنىڭ — مېنىڭ خىزمىتىمدە بولغىنىڭ، بالام. مەن رازى، سەن كېتىۋەرگىن، مېنى دەپ ئەل خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويساڭ گۆرۈمدە تىنچ ياتالمايمەن. گەنجى پىنھان گەنجىنى ئېچىشقا كىرىشكەن. — گەنجى ئېچىشقا ئىشەنچلىك ئادەملەرنى ئېلىپ كەلدىم ئابا، ئۇلارغا دۇئا بېرىسلا. مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم ئاق ھېلىھىلە رومىلى بىلەن تەۋەررۈك جامالىنى يوشۇرۇپ، بەگىيۈسۈپنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلدى. — جاناپلىرى بىلەن ئىلگىرى دىدارلاشمىغان بولساممۇ، مەرھۇم ئاتىسى تەرىپلىرىنى كۆپ قىلاتتى. ئۆزلىرىگە غايىبانە دۇئا قىلىپ تۇرغاندىم. بۇغراخاننىڭ گەنجى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئۆزلىرىنى تەيىنلىگەنلىكىنى ئوغلومدىن ئاڭلىتىپ، ئەلنىڭ بايلىقى ئەل ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بوپتۇ، دەپ خۇرسەن بولدۇم، — ئو دېدىكى ئېلىپ چىققان ئانار شەربىتىنى جاملارغا قويۇپ ئوغلىنىڭ قولى بىلەن مېھمانلارغا تۇتتى، — ھەربىرىڭلارنى قوي سويۇپ، ئاش تارتىپ كۈتۈۋالسام بولاتتى. قېرىلىق بۇ شەرەپتىن مېنى مەرھۇم قىلىپ قويدى. شەربەتنى ئىچىڭلار. ئۆسۈسۈزلۈقۇڭلار قېنىپ، روھلىنىپ قالىسىلەر. گەنجى تاپقۇچە تاماقمۇ پىشىپ قالار، بالىلىرىم. سىلەرنى ئاچ پېتى ئۇزىتىپ قويمايمەن. مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم گېپىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇردى. ھۇجرىسىغا كىرىپ غەلىتە شەكىل سىزىلغان بىر قوي تېرىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، — مانا بۇ گەنجنىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىزما، — دەپ بەگىيۈسۈپكە ئۇزاتتى. پېشايۋان سۇپىسىغا تېرىنى يېيىپ، دىققەت بىلەن سەپ سالغان بەگىيۈسۈپ:
— بايبەگ ئىنال تېگىن ئالىيلىرى، بۇ سىزىمنى چۈشەندۈرۈپ باقسىلا، — دەپ ئۆتۈندى.
— ھاجىبۇل ھۇجراپ جاناپلىرى، مەن ئوردىكەنتكە كېلىپلا گەنجنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىسام ئابام مۇشۇ تېرىنى كۆرسەتكەنىدى. نەچچە كۈنگىچە ھەر كۈنى دېگۈدەك قاراپ، گەنج بىلەن بۇ سىزىمنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بارلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم. ئابامنىڭ كۆزى ئاجىزلاپ قالغىچە ئاتامنىڭ: «بۇ سىزىمغا گەنجنىڭ قويۇلغان يېرى چۈشۈرۈلگەن. شۇ بويىچە ئىزدەپ تېپىپ بۇغراخان خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار!» دېگەن ۋەسىيىتىدىن ۋاقىپلاندرۇپ، تېرىدىكى سىزىمغا بولغان قىزىقىشىمنى ئاشۇردى. پاراسەت كۆزى بىلەن قاراپ باقسىڭىز، گەنجنىڭ پىنھان يېرى ئايان بولۇپ قالار.
ئىنال تېگىن سۆزىنى تۈگەتكەندە، بەگىيۈسۈپنىڭ ئەقىل كۆزى سىزىمغا تىكىلدى. سىزىمنىڭ ئوڭدىن سولغا سىزىلغانلىقىنى بىلدى. سىزىمنىڭ باشلىنىشىغا تۆت چاسا كىچىك بەلگە چۈشۈرۈلگەنىدى. بەلگىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن تارتىلغان سىزىق شارسىمان بەلگىگە تۇتاشتۇرۇلغانىدى. شارسىمان بەلگىنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا قارىتا سىزىلغان سىزىق يەنە بىر شارسىمان بەلگىگە، ئونىڭدىن توغرىسىغا، ئاندىن تۆۋەنگە قارىتا سىزىلغان سىزىقلارمۇ بىر خىل شارسىمان بەلگىلەرگە تۇتاشتۇرۇلغانىدى. ئونىڭدىن توغرىسىغا بىر سىزىق تارتىلىپ، يەنە بىر شارسىمان بەلگىگە تۇتاشتۇرۇلغانىدى. بۇ شارسىمان بەلگىنىڭ ئو تەرىپىگە سىزىق تارتىلمىغان، پەقەت ئوتتۇرىسىغا تىك سىزىقچە سىزىپ قويۇلغانىدى.
بەگىيۈسۈپ ئۈچ سائەتكىچە بۇ سىزىمدىن كۆزىنى ئالمىدى. مەلىكە، دېدەك بىلەن پىشۇرۇپ لېگەنگە ئېلىپ چىققان نېرىن چۆپىنى داستىخانغا قويدى. بەگىيۈسۈپنىڭ ئاغزى ئاشتا، كۆزلىرى تېرىدىكى سىزىمدا بولدى. ئاخىر «تاپتىم!» دەپ ۋارقىرېۋەتتى. ئۇ شەكىلنى كۆرسىتىپ:
ئۆڭدىن
كىردى. «نېمىدىگەن ئېسىل قىلىچ - قالقانلار بۇ. ئومۇت، گۈرزىلەرمۇ بار ئىكەن. ئەجەب كۆرمىگەنكەنمەن. بۇ ئاتامنىڭ مەخپىيەتلىكى بولسا كېرەك». ئۇ كۆز سېلىپ، ھەر خىل رەختتە تىكىلگەن تونلارنى، سەرپايلارنى، قايرىما، ئۈچلۈك، تۆت قىرلىق قالپاقلارنى، بادام، چىمەن، ئاق، گۈللۈك دوپپىلارنى، ئۈزۈن - قىسقا قىل قامچىلارنى، كۈمۈش ئۈزۈككە، ياقۇت كۆز قويۇلغان يۈگەنلەرنى، قاتتىق - يۇمشاق ئېگەرلەرنى كۆردى. ئىقبال تېگىن تونلارنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردى. زەر ياقىلىق چەكەمەن توننىڭ قويۇن يانچۇقىدىن بىر ئالتۇن ئاچقۇچ چىقتى. ئۇ ئاچقۇچنى ئېلىپ ئارقىسىغا ياندى.
-
ئابا، ئاچقۇچنى تاپتىم، - ئۇ ئانىسىغا بەردى.
-
شۇ، شۇ، ئېسىمگە كەلدى. مېنى بۇ ئۆيگە باشلاپ كىرگەندە مۇشۇ ئالتۇن ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچقانىدى، - دەپ ئاچقۇچنى سېلىپ قۇلۇپنى ئاچتى. بۇ ئۆيدە ھېچنېمە يوق، قۇپقۇرۇق ئىدى. ھۇۋلاۋاتقان كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتى سىزىلغان تامغا بەگىيۈسۈپنىڭ كۆزى چۈشتى. «قېنى ئۇ بايلىق. كۆك بۆرە يوشۇرۇپ قويغانمىدۇ؟ ياق. سۈرەتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كېلەتتى. دېمەك، گەنج يوق ئىكەن…»
ئىقبال تېگىنمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى.
-
ئاتام نېمىشقا گەنج بار دەپ ۋەسىيەت قىلغاندۇ؟ بۇنىڭدا نېمە ھېكمەت بار؟ بىلەلمىدىم، قايتايلى.
-
ئالدىرىمايلى، ئالىيلىرى. نېمىشقا بۇ تامغا بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن؟ بۇنىڭدا سىر يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ - بەگىيۈسۈپ تامنى تۇتتى. قولىغا مۆجىزە كۆرۈندى. ئۇ سىيپاپ - سىيپاپ بۆرە سۈرىتىنىڭ باش قىسمىغا كەلگەندە، قولى تېگىشى بىلەن تەڭلا بىر خىش يەرگە چۈشۈپ پارچىلاندى. بىر كامار پەيدا بولدى.
-
ئوتقاشنى بۇ يەرگە تۇتۇڭلار ! - دېدى ئۇ.
ئارسلان ئوتقاشنى يېقىن ئەكەلدى.
بەگىيۇسۇپ كۆز يۈگۈرتۈپ، قاتار تىزىلغان چوڭ كىچىك ساندۇقلارنى كۆردى. — گەنج تېپىلدى، مەلىكە ئانا، ئىنال تېكىن ئالىيلىرى، گەنج تېپىلدى! قاراپ بېقىشسىلا. ئاۋۋال مەلىكە ئانا، ئاندىن ئىنال تېكىن، ئېلىزادەگىلەر سەپسىلىپ قارىدى. — بۇ قات① ئىكەن. يېرىم خىشتىن ئېتىلگەچكە تاممۇ قېلىن ئەمەس ئىكەن. كېسەكنى ئېلىپ كامارنى چوڭايتايلى. كىرىپ گەنجنى ئېلىپ چىقايلى، — دېدى بەگىيۇسۇپ. كېسەكنى بىر بىرلەپ قوپۇرۇپ، ئىنال تېكىن، ئېلىزادەگىلەرگە سۇنۇپ بەردى. ئۇلار يەرگە تىزدى. ئۇزاق ئۆتمەي دېرىزە چوڭلۇقىدا يوچۇق ئېچىلدى. بەگىيۇسۇپ مەلىكە ئاننى تەكلىپ قىلدى: — مەلىكە ئاغىچا خېنىم، ئاۋۋال ئۆزلىرى كىرسىلە. بۇ گەنجگە خاسىيەتلىك قوللىرى دەسلەپ تەگسۇن.
5
مەلىكە نارا بىرىنچى بولۇپ ئۆيدەك چوڭ قاتقا كىردى. ئارقىدىن ئىنال تېكىن، بەگىيۇسۇپلەر كىردى. ساندۇقنىڭ قاغا تۇمشۇقلىرىغا قۇلۇپ سېلىنمىغاچقا، ئاسانلا ئېچىلدى. بۇ قاتتىقى يەتتە ساندۇقنىڭ ئىچى قوپقۇرۇق ئىدى. — گەنجنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ، ئابا، — دېدى ئىنال تېكىن ئۈمىدسىزلىنىپ. بەگىيۇسۇپ تېرىدىكى سىزىمغا دىققەت بىلەن قاراپ بىردىن يۇقىرىغا كۆز تىكتى. يەنە شۇ ھۆۋلەۋاتقان كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتى… — ياق، ئالىيلىرى. بىز ئۈستىگە چىقىشىمىز كېرەك. گەنج
① قات — تام قېتىدىكى بايلىق ساقلىنىدىغان بوشلۇق.
بۇ يەردە ئەمەس، ئىقبال تېگىن سۆزىنى رەت قىلغان بەگىيۈسۈپ دەرھال ئارسلان، ئەركاناتلارنىڭ قولىدىن ئوتقاشنى ئېلىپ، قۇرۇق ساندۇقلارنى بىر ئۆزۈنىسىگە، بىر توغرىسىغا ئۈستى-ئۈستىگە قويۇپ تىزىشنى بۇيرۇدى.
ساندۇقلار شۇنداق تىزىلدى. بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تورۇسقا تېگىيلا دەپ قالدى.
ئېلزادەبەك بالام، سىز ساندۇقلارنىڭ ئۈستىگە چىقىڭ. بىز كۆتۈرۈپ تۇرايلى. كۆك بۆرىنىڭ بېشىنى سىيپاڭ.
ماقۇل ئاتا، ئېلزادەبەك يەتتىنچى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كۆك بۆرە سۈرىتىنىڭ باش تەرىپىنى سىيپىدى. بىر خىش قولىغا چىقتى. ئۇ خىشنى ئارسلانغا سۇنۇپ بەردى. ئارقا-ئارقىدىن قولىغا چىققان خىشنى سۇنۇپ بېرىۋەردى. بۆرە سۈرىتى ئورنىدا چوڭ بىر كامار پەيدا بولدى.
كاماردىن يۇقىرىغا چىقىپ قاراپ بېقىڭ.
ئېلزادەبەك كاماردىن بىر ئۆيگە چىقتى:
كەپەدەك كىچىك بىر ئۆي ئىكەن. ئوڭ تەرىپىدە بىر يوچۇق باردەك قىلىدۇ. قاراڭغۇ بولغاچقا ئېنىق كۆرەلمىدىم.
بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى مەيدىسىگە قويۇپ مەلىكە ناراغا قارىدى.
بۈزرۈكۋار، دۇئا بېرىسلا، بىز چىقىپ باقايلى.
ئەي رەببىيەل ئالەمىن، ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى ھەممە مەۋجۇداتنى ئۆزۈڭ ياراتقان. ھەر نېرىسكى ساڭا سىر ئەمەس. ئۆز پاناھىڭدا ساقلاپ، گەنجى تېپىشىمىزغا ئۆزۈڭ ياردەم قىلغايسەن، دەپ دۇئا بەردى.
بەگىيۈسۈپ، ئىقبال تېگىن، ئەركاناتلار كىرىست شەكىلدە بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان ساندۇقلارغا پۇت قويۇپ، يۇقىرىدىكى ئۆيگە چىقىشتى. مەلىكە ئانانىڭ يېنىدا ئارسلان قالدى.
ئەركانات ئوتقاشنى يوچۇققا تۇتتى. بۇ تام يېرىقى بولماستىن،
ئادەم بىمالال ماڭالايدىغان قاراڭغۇ تارچوق ئىكەن.
— قېنى ئالدىمىزدا سىز مېڭىڭ، — دەپ ئەرتاتانغا بۇيرۇدى بەگىيۈسۈپ. ئۇ يەتتە قەدەم مېڭىپ توختىدى.
— بۇ يەردە تۆۋەنگە چۈشىدىغان پەلەمپەي بار ئىكەن.
— پەلەمپەيدىن پەسكە چۈشۈۋېرەيلى، بىزمۇ چۈشىمىز.
— ماقۇل ئۇستاز، — ئەرتاتان خىشتىن ياسالغان ئۈچ بۇرجەك پەلەمپەيگە ئاۋايلاپ دەسسەپ تۆۋەنگە چۈشتى. ئوتقاش يورۇقىدا ئوڭ تەرەپتىكى تامغا سىزىلغان كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتىنى كۆردى. سۇر بېسىپ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان بەگىيۈسۈپ ئالدىغا ئۆتۈپ، كۆك بۆرىنىڭ بېشىنى سىپىدى. قولىغا ئۇرۇنغان بوش خىشنى ئېلىپ يەرگە قويدى. بۆرە سۈرىتى سىزىلغان يەردىكى ھەممە خىشنى قۇمۇرۇۋالدى ۋە ئېچىلغان كاماردىن ئۆتتى. بۇ ئۆي بولماستىن ئۇزۇنچاق دالان ئىدى. بەگىيۈسۈپ يەتتە قەدەم مېڭىپ تام تۈۋىگە كېلىپ قالدى. كەينىدىكى ئەرتاتاننىڭ قولىدىكى ئوتقاشنى ئېلىپ قاراپ، تامدىكى بۆرە سۈرىتىنى كۆردى. ئوتقاشنى ئەرتاتانغا بېرىپ، ئۆزى سۈرەتتىكى بۆرە بېشىنى سىپاپ بوش خىشنى تېپىۋالدى. بۆرە سۈرىتى غايىب بولغۇچە تامدىكى خىشنى ئېلىۋەردى، ئاخىر كامار ئېچىلدى. بەگ يۈسۈپ بىرىنچى بولۇپ ئۆيگە كىردى. ئوتقاش يورۇقىدا تېرىدىكى سىزىمغا قاراپ:
— بۇ ئاخىرقى ئۆي ئىكەن، — دېدى.
بەگىيۈسۈپ تامدىكى يەتتە ئويۇققا قويۇلغان يەتتە ساندۇقنى كۆردى. ھەر ساندۇق ئۈستىگە بۆرە سۈرىتى سىزىلغانىدى.
بۇ نائايىتى پۇختا ياسالغان يوشۇرۇن قات ئىدى. تۈت تېمى چاچ، توزغاق ئارلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن لايدا سوۋۇلغان بولۇپ، ناۋات، تۇخۇمنىڭ ئارلاشمىسى بىلەن پاتلانغانىدى. بىرىنچى ساندۇق قويۇلغان كۆڭۈرلۈك ئويۇققا بىر تۇتام ئاچقۇچ ئېسىپ قويۇلغانىدى. بۇنى كۆرگەن بەگىيۈسۈپنىڭ ئويچان چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى. «بۇ ساندۇقلارنىڭ ئاچقۇچلىرى
ئىككىلىنىشكە شەك يوق. ئورداغا ئېلىپ بېرىپ بۇغراخان ئالدىدا ئېچىشىمىز لازىم» دەپ، بۇ ئويىنى ئىقبال تېگىنگە بىلدۈردى.
ساندۇقلار ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئولار مىڭ تەستە بۇ پىنھان جايدىن ھويلىغا ئېلىپ چىقىشتى. پايتەخت ئاھالى ئۇيقۇغا كەتكەن قارا كېچىدە ئورداغا ئېلىپ كېلىشتى. خاس سارايدا كۈتۈپ تۇرغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇ مەلىكە ناراغا سالام بېرىپ:
— بۇ گەنجى ئەۋلادتىن — ئەۋلادقا ساقلاپ كەلگەن باتۇر، پاراسەتلىك قەۋمىڭنىڭ ئېسىل پۇشتى بولغان بايبەك ئىقبال تېگىن ساندۇقلارنىڭ ئاغزىنى ئاچسۇن، مەلىكە ئانا دۇئا بەرسىلا! — دەپ ئۆتۈندى ھۆرمەت كۆرسىتىپ.
— رەھمەت بالام. بۇنى تۇيۇقسىز كۆرگىنىمدىن بۇغراخان جەمەتىنىڭ ئەجەبلىنىشى تۇرغان گەپ. دۇئا بېرىشتىن بۇرۇن كۆڭلۈمدىكى گېپىمنى قىلىۋالاي، — مەلىكە ئانا ئىقبال تېگىن قويۇپ بەرگەن يۆلەنچۈكلۈك كۆرسىدە ئولتۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — پېقىر ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تۈمەن تەڭرىقۇت①نىڭ ئەۋلادى بولغان تۈمەنبەگ ئاق خونغا ياتلىق بولۇپ، ئوردا ھەرەمدىن ئايرىلغىنىمدىن بۇيان، گويا مەن ئۆلۈپ كەتكەندەك جەمەتىمدىن ھېچكىم مېنى يوقلىمىدى. كۆڭلۈم ئاغرىپ مەنمۇ قېرىنداشلىرىمنى ئىزدەمدىم. يىللار ئۆتتى، ئانىلىق بەختىگە ئېرىشتىم. ئوغلۇم توغرۇل قاراخانغا كۆيۈنۈشۈل بولدى. ئائىلىمىزدىن ئايرىلىپ بارسىغانغا كەتتى. ئىبراھىم تېگىن تەختكە چىقىپ، ئەلگە بالا — قازا كەلدى. ئائىلىمىزنىڭ تىنچلىقىمۇ بۇزۇلدى. ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋەھشىلەر ئادالەتنى سۆيىدىغان ئاق كۆڭۈل، جاسارەتلىك ئېرىمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. قان يىغلاپ كۆز گۆھرىم ئېقىپ تۈگەي دېگەندە،
① تۈمەن تەڭرىقۇت — خون ئىمپېرىيىسىگە مىلادىيەدىن 214 يىل ئىلگىرى پادىشاھ بولغان باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئاتىسى.
مەرھۇم ئاتىسىنىڭ دېگەنلىرى يادىمدىن كېچىپ ئوغلۇمغا مەكتۇپ يېزىۋەتتىم. ئۇ كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قاتىلى بولغان ئاسىي سوغۇق سەتچىلەرنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقىدىن ۋاقىپلىنىپ، كۆڭلىنى تىندۇردى. مانا بۇ كېچىمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلدى. ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى ئەمەلگە ئاشتى. بۇنىڭ مەلىكەتنىڭ راۋاجلىنىشى، ئادالەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، — مەلىكە نارا سۆزىنى تۈگىتىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى، — ئى تەڭرىم، ساندۇق ئىچىدە نېمە بار؟ ئۆزۈڭگە ئايان. ئۇنى ئاچماقچى بولۇۋاتىمىز. ئەلنى روناق، پادىشاھىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان بايلىق بولۇشىغا نېسىپ قىلغىن. قاراخانىيلار ئېلىدىكى بەندىلىرىڭنى نائۈمىد قويمىغىن. ئامىن!
— ئامىن! — دېدى بەگىيۈسۈپ ۋە ئاچقۇچنى بايبەگ ئىنال تېگىنگە بەردى. ئۇ باشتىكى ساندۇقنىڭ قۇلۇپىغا:
— ئايغۇچى، كۈيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، — دەپ ئاچقۇچنى سالدى. ساندۇق ئېچىلدى. ھەممىنىڭ كۆزى ئونىڭغا تىكىلدى:
ساندۇقنىڭ ئوڭ يېنىدا ھال رەڭ گۆھەر كۆز قويۇلغان ئالتۇن تاج يالتىراپ تۇراتتى. ئونىڭ چۆرىسىدە رەڭگارەڭ ئالماس، مەرۋايىت، ئالتۇن — يامبۇلار بار ئىدى. سول يېنىغا تۆمۈر ساۋۇت — دۇبۇلغا قويۇلغانىدى. بىر پارچە ئاق يىپەك رەختكە سوغدى يېزىقى ① بىلەن: «بۇ — تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ تا those، ساۋۇت، دۇبۇلغا، قىلىچى» دەپ پۈتۈلگەنىدى.
بايبەگ ئىنال تېگىن ئىككىنچى ساندۇقنى ئاچتى. ئىچىدە شاھانە تون، ئۈچ ئالماس كۆز قويۇلغان ئالتۇن تاج، بىر ئومۇت بار ئىدى. ئالتۇن يامبۇ، تىللا، گۆھەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. يىلان مۆڭگۈزى، بۆرە ئوشۇقىمۇ تۇراتتى. بىر پارچە يىپەك رەختكە:
① سوغدى يېزىقى — ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپتە قوللانغان قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى.
«بۇ باتۇر تەڭرىقۇت — ئوغۇزخاننىڭ تونى، تاجى، ئومۇتى ۋە بېزەكلىرى» دەپ يېزىلغانىدى.
ئۈچىنچى ساندۇقتىن تۇز تاجدەك ناھايىتى نەپىس ياسالغان، يېشىل گۆھەر كۆز قويۇلغان بىر تاج، زەر چۆچۈلۈك، قىزىل يىپەك كۆڭلەك، ئېغىغا ئالماس كۆز قويۇلغان تېللا ئىشتان، قىممەت باھالىق زىبۇزىننەتلەر، چاچ تەڭگىلەر چىقتى. يىپەك ياغلىققا: «ئوغۇزخاننىڭ خاتۇنى كۆڭۈزنىڭ تويلۇق تاجى، كۆڭلەك ئىشتىنى» دەپ يېزىلغانىدى. كۆڭلەككە قادالغان رەڭمۇرەڭ گۆھەرلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.
تۆتىنچى ساندۇقتىن ئىككى ئالتۇن تاج، بىر قىلىچ، بىر قالقان، پىل چىشىدىن ياسالغان قەدەھ، نۇرغۇن ئالتۇن، يامبۇ، يىپەك، يىپەك رەختتىن خىلمۇخىل شەكىلدە تىكىلگەن كىيىم — كېپەنەك، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى چىقتى. ئاق يىپەك رەختكە: «ئۇيغۇر خاقانى، تەڭرىدە بولمىش، ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بايانچۇرنىڭ تاجى، قىلىچ، قالقان، پىيالىسى، ھەم ئۇنىڭ خانىشى بىلگە خاتۇننىڭ يازلىق، قىشلىق، ئەتىيازلىق، كۈزلۈك كىيىم — كېپىنى، زىننەت بۇيۇملىرى» دەپ يېزىلغانىدى.
بەشىنچى ساندۇقتىن ئىككى ئالتۇن تاج، ئىككى قىلىچ، ئىككى خەنجەر، ساۋۇت — دۇبۇلغا، ئايالچە نەپىس تىكىلگەن كىيىم — كېپەنەك، ئالتۇن، مەرۋايىتتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى، مەرۋايىت بۈك قاتارلىقلار چىقتى. يىپەك رەختكە: «تەڭرىدە كۆلۈگ بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغاننىڭ تاجى، قىلىچ، خەنجىرى، ساۋۇت، دۇبۇلىغىسى ھەم ئۇنىڭ ئالىپ خاتۇنى ئايتولدىنىڭ جەڭ قوراللىرى، مەرۋايىت بۆكى، زىبۇ — زىننەت بۇيۇملىرى، كىيىم — كېپەنەكلىرى» دەپ يېزىلغانىدى.
ئالتىنچى ساندۇقتىن غىچلا ئالتۇن بېزەكلەر، ئالتۇندىن ياسالغان بۆرە ھەيكىلى چىقتى. ئاق يىپەك رەختكە: «بۇ ئوغۇزخانغا يول باشلاپ ماڭغان كۆك بۆرە» دەپ يېزىلغانىدى.
يەتتىنچى ساندۇقتىن ئالتۇندىن ياسالغان شىر بىلەن بۇغرا
تۆگىنىڭ ھەيكەللىرى چىقتى. بۇغرانىڭ بوينىغا قىزىق يېشىل مەرۋايىت، شىرنىڭ بوينىغا توققۇز گۆھەر كۆز قويۇلغان ئالتۇن زەنجىر باغلاپ قويۇلغانىدى. ئاق يىپەك رەختكە: «بىلگە كۆل قادىرخان ئورخۇن بويىدىن مىنىپ كەلگەن تۆگە بىلەن شۇ دوست تۇتقان شىر» دەپ يېزىلغانىدى.
ھەممىدىن بەك نەزىرى ساندۇقلاردا ئىدى. ھاياجان ئىلكىدە يۈرەكلىرى تىپچەكلەپ، خىيال تۇلپارلىرى بويۇنلىرىنى بۇراپ يىراق ئۆتمۈشكە كېتىپ قالغانىدى.
بەگىيۈسۈپ: «بۇ گەنج — بىباھا بايلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر قانچە دەۋرلىك ئۇزاق تارىخىمىزنىڭ شاھىتى ئىكەن. ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ، ساقلىنىشىمۇ شۇنچە سىرلىق ئىكەن. بىرىنچى ئۆيگە يەتتە قۇرۇق ساندۇقنىڭ قويۇلۇشى ئوغرى، قاراقچىلارنى ئالداش ئۈچۈندەك قىلىدۇ. بىزمۇ ئالدىنىپ قايتىپ كەتكىلى تاس قاپتۇق. گەنجنى ئېچىشنىڭ سائىتى كەلگەن ئىكەن. كۆك بۆرە — ئاشۇ كۆك بۆرىنىڭ سۈرەتلىرى بىزگە يول ئېچىپ بەردى…» دەپ ئويلاپ ئەجدادلارنىڭ روھىغا ئىچىدە دۇئا قىلدى.
مەلىكە نارا ئاستا غېنىم كۈلۈمسىرەپ ئورنىدىن تۇردى:
— بۇرچۇمنى ئادا قىلدۇرغان تەڭرىمگە شۈكۈر. ئەمدى مەن قايتاي. تۆمەنبەگ ئاخۇننىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن، — دېدى ئۇ بايبەگ ئىنال تېگىنگە يۆلەنگەن ھالدا، — رازى بولۇڭلار بۇغراخان بالام. ئادالەت بىلەن ئەل سوراپ مۇراد — مەقسەتلىرىڭگە يەتكەيلا.
— مەلىكە ئانا، نېمىشقا كەتكۈچى بولىلا؟ ئوردادا ھەرەممۇ تۇرسىلا بولمامدۇ؟ ئۆزۈم خىزمەتلىرىدە بولىمەن. ئەگەر ئاچىلىرى ئادىرا تۈركەن خاتۇننىڭ يېنىدا تۇرۇشنى خالىسلا ئورداڭغا ئاپىرىپ قويايلى، — دېدى ھەسەن بۇغراخان.
— يوقسۇ، بۇغراخان بالام. مېنى ئېلىپ قالىمەن دېمىسلا. مېنىڭ كۆڭلۈم ھەرەمدە ئەمەس، تۆمەنبەگ ئاخۇننىڭ خىسلەتلىك
ئۆيدە سۇ ئىچكەن. ئاشۇ ئۆيدە ئانىلىق بەختىگە يەتكەنمەن، شۇ ئۆيدىن ئۇ دۇنياغا كېتىشنى خالايىمەن. ۋاقتىم ئاز قالدى. كۆز يۇمسام تۈمەنبەگ ئاخۇننىڭ يېنىغا دەپنە قىلىڭلار. مەن ئوردىدا تۇرالمايمەن. مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئاچامنىڭ يېنىغىمۇ بارالمايمەن. بۇغراخان بالام، ئوغلۇم، بەگتۈسۈپ ھەزرەتلىرى، ھەربىرىڭلاردىن تۈمەنبەگ ئاخۇننىڭ قورۇسىنى تاشلاپ قويماسلىقلىرىنى، بىلىم، ھۈنەر بىلەن ئىلگىرىكىدەك ئاۋات قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
— باش ئۈستىگە! — دېيىشتى ھەسەن بۇغراخان بىلەن بايبەگ ئىقبال تېكىن، — ئەمىرلىرىنى بەجا كەلتۈرىمىز.
— پېقىر، — دېدى بەگتۈسۈپ قول باغلاپ، — مۇشۇ سائەتتىن باشلاپ بۇ قۇتلۇق ئارزۇلىرىنى پات پۇرسەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا بولىمەن. خاتىرجەم بولغايلا.
مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم نەزىرىنى بەگتۈسۈپكە تىكتى.
— بۈگۈنكىدەك ھەزرەتلىرى، ئاللا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسىتىڭىز، خاسىيەتلىك قولىڭىز بىلەن گەنج تېپىلدى، سىرمۇ ئېچىلدى، پېقىرىمۇ ئارزۇيۇمغا يەتتىم. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، بالام. قاراخانىيلار مەملىكىتى ئۈچۈن سىز بۇ گەنجىدىنمۇ قىممەتلىك. ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، — دەپ دۇئا قىلدى.
مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم ئەبو ھەسەن بۇغراخان سۇنغان خۇشبۇي چايدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ، بايبەگ ئىقبال تېكىن ئوشتۇپ بەرگەن توقاچ ناندىن بىر بۇردا يەپلا خوشلاشتى. ئۇ ئۆزاپ ئوردىدىن چىققاندا چولپان تۇغقانىدى. ئون — ئون بىر كۈنلۈك بولغان ئاي كۆك دېڭىزدەك تىنچ ئاسمان باغرىدا يەلكەندەك ئۈزمەكتە.
بەگتۈسۈپ سۇلتانبەگ، ئېلىزادەبەكلىرى بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئانىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. ئىقبال تېكىن ئانىسىنىڭ يېنىدا قالدى. قېشىدا يېتىپ، ھېدبىنى پۇراپ ئۇيقۇغا كەتتى.
بىر چاغدا ئانىسى تۇغۇلغاندەك بولۇپ چۆچۈپ ئويغاندى. ئاق رومال بىلەن يۈزىنى يېپىپ، تۈزلىنىپ ياتقان مەلىكە نارا ئاغىچا خېنىم جىمىجىتلا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغانىدى…
— ئابا! ئابا! — ئۇنىڭ ئاۋازى قەشقەر شەھىرىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزدى. مۈگدىگەن، تۈمەنلىگەن پايتەخت ئەھلى ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى.
بايىبەك ئىنال تېگىن ئانىسىنىڭ قىرىق نەزىرىنى قەشقەردە بېرىپ، بارسخانغا ئېلىكخان بولۇپ يۈرۈپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ ئوردا ئەربابلىرى بىلەن شەھەردىن يەتتە چاقىرىم يەرگىچە چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
يىگىرمە ئالتىنچى باب: ئىككى ئاستانىگە ئەھمىيەت بېغىشلاش
1
ئوردۇكەنتتە تىنچ كۈنلەر باشلاندى. ئادالەت ۋە شەپقەت كىشىلەرگە ئۈمىد، ئارامبەخش ئەتتى.
غەيرەت، جوشقۇن روھ ئاتا قىلىپ، ئادەمنىڭ ئۈمىد - ئىشەنچىنى ئاشۇرغان، ياكى قايغۇ - كۈلپەت، ئەلەمدە قويۇپ روھىي ئازابقا قالدۇرىدىغان كۆپ ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاسىي سويقەستچىلەرگە بېرىلگەن جازا نەچچە ئاي ئۆتۈپمۇ ئاۋامنىڭ ئېغىزىدىن چىقمىدى. پادىشاھنىڭ بەگ تەرەپتىن تارتىپ ئاۋامنىڭ مەشرەپ - بەزمىلىرىدىكى سۆھبەت: نورۇز كۈنىدىكى تاج كىيىپ تەختكە چىقىش مۇراسىمىدىن باشلىنىپ، قۇمارۋازلىق، بوزاغۇ، مۇتتەھەملەرنى ئەيىبلەش - سۆكۈش بىلەن ئاخىرلىشاتتى. قانچە - قانچە قېتىم ئاڭلىغانلارمۇ يەنە شۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشاتتى. گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيتتى.
بەگىيۈسۈپ: «ئاسىي، سويقەستچىلەرنى رەھىمسىزلىك بىلەن جازالىمىغاندا مەملىكەتنى تىنچلاندۇرغىلى، راۋاجلاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنداق جازاغا تارتىش ئانداق قارا نىيەت مۇناپىقلارنى يەنە باش كۆتۈرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك. ئادالەت - ياخشىغا ئوۋال قىلماسلىق، يامانغا رەھىم قىلماسلىق دېمەكتۇر. ئادالەتتىن ئايرىلغان پادىشاھ تاجو-تەختتىن، ئەل ھۆرلۈك، بەختتىن ئايرىلىپ قالىدۇ…»
دېگەن تونۇشتا ئىدى. ئۇ ئويلا - ئويلا مۇنداق نەتىجىگە كەلدى: «پادىشاھ زالىم ئەمەس، ئالىم بولۇشى، ھەر زامان، ھەر ۋاقىت ئاۋامنىڭ غېمىنى يېيىشى، ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىگە سادىق بولۇشى، ئاۋامنىڭ غەمخورى بولۇشى، ھەققىانىيەت تەرەپتە چىڭ تۇرۇشى، ئەدلى - ئادالەت بىلەن دۆلەتنى ئاۋات قىلىشى، قۇدرەت تاپتۇرۇشى لازىم…»
بەگىيۈسۈپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا ئىشەنسىمۇ، بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخانغا تازا ئىشىنەلمەيتتى. ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغانچە، ياخشى - ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، مەدھىيە - ماختاشلارغا بېرىلىپ كېتىشى، ئىتنىڭ تىزگىنىنى قارا نىيەتلەرگە تۇتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. بەگىيۈسۈپ مانا شۇنىڭدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ بۇ ئەندىشىسىنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا ئاخىر ئېيتتى.
— توغرا دەيدىغان، بەگىيۈسۈپ، مەنمۇ تاغامنىڭ قارا نىيەتلەرگە ئالدىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇ ئوردىكەنتتە تۇرۇۋەرسە بولاتتى. مېنى بار دەپ، مەملىكەتنى ئۆز ئالدىغا سوراش ئۈچۈن قوزغۇردۇغا كېتىپ قالدى. ئۇ بىپەرۋا، ئالدىدىكىنىلا كۆرۈپ، يىراققا نەزەر سالمايدۇ. بىراق، ئاق كۆڭۈل، نىيىتى ياخشى، — دېدى ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان.
— بۇ پېقىرغا ئايان. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئاسان ئالدىنىپ قالىدۇ، سىر تۇتالمايدۇ. نىيەت — بىر ئىرا دېگەن كېلىشتۇر. كاززاپ - مۇناپىقلار بىر ئىرا دېگە كېلەلمىگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى ئاسان ئازدۇرىدۇ. مەن مانا شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن، ئالىيلىرى.
— ئۇنداق بولسا سىز توققۇز تارتۇقنى ئېلىپ بارغاچ، تاغام بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەمسىز يا؟
— ئالىيلىرى، شۇ قارارغا كەلگەن بولسىلىرى، بارسام باراي.
— سىزگە ئەمىر قىلىش ھاجەتسىز. قوزغۇردۇغا بېرىپ،
ئەھۋالنى كۆزىتىپ، تاغامغا مۇۋاپىق مەسلىھەتنى سىزمۇ بېرىسىز. ئەممۇ، يول يىراق، خەتەرلىك، ئازاب - ئوقۇبەتلىك. بېرىشنى خالىمىسىڭىز زىنھار زورلىمايمەن.
— قۇزغۇردۇ ئانا يۇرتۇم، ئالىيلىرى. دۇنياغا تۇنجى كۆز ئاچقاندا، قۇزغۇردۇنىڭ ھاياتبەخش ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغانمەن. ھەمىشە ئۇ مۇقەددەس شەھەرنى دىلىم تارتىپلا تۇرىدۇ. راست ئالىيلىرى، سەپەرنىڭ جاپاسىمۇ بار، راھىتىمۇ بار. راھەتنىڭ ئالدىدا جاپاسى كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ. بېرىپ مەھمۇد قاراخان ئالىيلىرىدىن ھال سوراپ، يۇرتۇمنى، دوست - بۇرادەرلىرىمنى كۆرۈپ كېلەي.
— سىز مېنى نائۈمىد قويماي كەلدىڭىز، قاچان يولغا چىقماقچى بولسىڭىز، ئۆزۈم ئۇزىتىپ قويىمەن.
بەگىيۈسۈپ بالاساغۇنغا بېرىش قارارىغا كېلىپ، ئوردىدىن ئۆيىگە كەلگەن ئاخشارمى، دىلداربىكەنى تولغاق تۇتۇۋاتاتتى. ئىچكىرى ھويلىغا ئاياغ بېسىپلا خوتۇننىڭ «ئاھ، خۇدا !…» دەپ قىلغان ھەسرەتلىك نالىسىنى ئاڭلىدى. خىزمەتكار ئايال:
— ھەزرىتىم، ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىمنى تولغاق تۇتۇپ قالدى. باياتىن بۇغۇنايىشە خېنىمنى چاقىرىپ كەلدىم. بىرنەچچە تۇغۇت ئانىلىرىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا، — دېدى.
بەگىيۈسۈپ ئارقىسىغا ياندى. تاھارەت ئېلىپ خاس ھۇجرىسىغا كىردى. سېلىپ قويۇلغان يەكمەندازدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالماي، جاينامازنى سېلىپ نامازغا تۇردى. ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، خوتۇننىڭ تۇغۇتىنى ئاسان قىلىشنى تىلەپ ئىلتىجا قىلىشقا كىرىشتى. ئۇ ھەر قېتىم دىلداربىكەنىڭ نالە - پەريادىنى ئاڭلىغاندا، ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، ئەندىشىسى كۈچىيەتتى. ئۇ بىر كېچىنى كۆز يۇمماي ئىلتىجا بىلەن ئۆتكۈزدى.
تولغاقتى پەسلەپ قالغان دىلداربىكە ئۇ كۆرگۈزگەن دەمدىنى ئىچتى.
— ئەمدى سىلەر چىقىپ تاماق يەپ، ئارام ئېلىۋېلىڭلار. ھېرىپ قالدىڭلار بالىلىرىم، — دېدى دىلداربەكە تۇغۇت، ئانىلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇۋىئايشەگە ئىللىق نەزىرىنى تىكىپ، — قىزىم، ئاتىلىرىنى چاقىرىسلا.
بۇۋىئايشە چىقىپ ئاتىسىنىڭ تىلىكىنى ئاتىسىغا يەتكۈزدى.
— ئاتىسى، ئەھۋاللىرى قانداقراق؟ بەك قىينالدىلا ھە؟ — دېدى كىرگەن بەگىيۈسۈپ بېشىدا يۆكۈنۈپ.
— ئوبدان، ئاتىسى. مەن تۇغدۇرغان ئانىلارنىڭ نالە پەريادى كۆتۈرۈلمەدەك ئۆز بېشىمغا كەلگىنىدىن ناھايىتى خۇشالمەن.
— ئاللا ئاسان قىلغاي، ئاتىسى.
— ئانا بولۇش ئارزۇيۇمغا يەتكۈچە ھەر قانچە ئېغىر ئازابقىمۇ چىدايمەن. ئادەم دېگەن شۇنداق تەستە تۇغۇلىدىكەن، — دىلداربەكە پېشانىسىنى سىلاۋاتقان بەگىيۈسۈپنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ كۈلۈمسىرىدى — ياق، كەلگەن ئازابلىق ئېچىشىشتىن پەرياد ئۇرۇپ چىرايى زەپەدەك سارغىيىپ كەتتى.
— ئىنسان ئانا باغريدىن مانا شۇنداق تەستە يەرگە چۈشكەننى بىلمەي كۆرەڭلەيدۇ. شۇڭا، بۇ دۇنيادا تالاش تارتىش، جېدەل جېدەل تۈگىمەيدۇ. مەن ھەممە بايلىق ئىمتىيازدىن كېچىشكە رازىمەنكى، ئاتىسى، سىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى زىنھار خالىمايمەن. چىداشلىق بەرسىلە، مېنى تاشلاپ كەتمىسلا ئاتىسى، ئاتىسى! — دەپ پىچىرلىغان بەگىيۈسۈپنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان تامچىلار دىلداربەكەنىڭ مەڭزىگە سىيرىلىپ چۈشكەن ياشقا قوشۇلۇپ كەتتى.
— خودا ساقلايدۇ، ئاتىسى، خودا ئۆزى ئاسان قىلىدۇ. ئەنسىرىمىسلا. مانا توختاپ قالدى. مەندىن ئايرىلىپ قالمايلا. ئەتەنگىلىك تاماقنى بىللە يېگۈم كېلىۋاتىدۇ. بۇۋىئايشە قىزىمىزمۇ داستىخانغا داخىل بولسۇن، — دىلداربەكە ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇردى.
— ماقۇل ئاتىسى، — بەگىيۈسۈپ قىزىنى چاقىردى.
بۇۋىنايىشە كىردى. — ئاتا، ئاپام قانداقراق؟ — ھازىر ئوبدان، قىزىم. بايا تىنچلىق سوراشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن. بالىلار تىنچ — ئامان تۇرغاندۇ؟ بىر ھەپتىدىن بېرى كەلمىدى، سېغىنىپ قالدىم. — بالىلار ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ، ئاتا. قىزىممۇ ئوردا مەكتىپىگە ئوقۇشقا باردى. ئۇلار ئوقۇش بىلەن بولۇپ، قاشلىرىڭىزغا پات — پات بارالمايۋاتىدۇ. ئۆزلىرىمۇ خىزمەت بىلەن بولۇپ ئۆيىمىزگە كېلىشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىلا. بۇ جۈمە كۈنى بالىلارنى ئېلىپ كېلەي. يېڭى تۇغۇلغان ئۇكىسىنى مۇبارەكلەپ خوشال بولۇشسۇن. — ماقۇل بالام، ماقۇل. ئۇ ۋاقىتچە ئۇكىلىرىمۇ كۆز ئېچىپ ئادەمگە قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كەلسۇن بالام، كەلسۇن، بىز خوش بولىمىز! ئۇلار توشقان گۆشى، چامغۇر، گۈلە سالغان ئارپا ئۈمىچىدىن ئىچىپ، بىر پارچە توقاچ نان بىلەن بىر قوشۇقتىن ھەسەل يېيىشتى. بۇۋىنايىشە دىلداربىكىگە ئاتاپ نوقۇت، كۆك ماش سېلىپ پىشۇرغان قوچقار گۆشى شورپىسىدىن ئۇنىڭغا بىر چىنە ئىچۈردى. — كۈچ بولىدۇ، ئاپا. ئىنچىق، كۈچ — قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدۇ. يېسىلە، — دېدى ئۇ يىلىكلىك سان گۆشىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ، بىراق گۆش دىلداربىكىنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. دىلداربىكەنى يەنە تولغاق تۇتقانىدى. ئۇ قاتتىق ئاھ ئۇرۇپ ياستۇققا باش قويدى. بەگىيۈسۈپ بولغاچقا يەنە «توۋلاپ سالماي» دەپ لەۋىنى چىشلەپ قانتۇۋەتتى. تۇغۇت ئانىلىرى كىردى. بەگىيۈسۈپ ئۆز ھۇجرىسىغا چىقىپ، دۇئا — تەلەپكە تۇتۇندى. تولغاق بارغانسېرى كۈچەيدى. تاكى ئەتىسى سۈبھىگىچە داۋام قىلدى. بەگىيۈسۈپ بۇ كېچىمۇ كۆز يۇمىمىدى. «ئىلاھى — ئىلاھى!…»
دېگەن سېھرلىك ئاۋازنى ئاڭلاپلا جاينامازدىن تۇردى ۋە تەييارلاپ قويغان سۈيۈنچىنى قولىغا ئالدى.
— خوش خەۋەر، خوش خەۋەر، ئاتا! — دەپ ئېتىلىپ كىرگەن بۇۋىئايىشە ئىككى كۈندىن بېرى كۆز يۇمماي، ھالسىزلىنىپ قالغان ئاتىسىنىڭ مۈرىسىگە باش قويدى، — ئاباكەم ئوغۇل تۇغدى، ئاباكەم ئوغۇل تۇغدى!…
— ئۆزى ساقمۇ؟
— ساق، ئاتا.
— يېنىغا كىرسەم بولامدۇ؟
— سەل تەخىر قىلىسلا، ئاتا. بالىنىڭ ھەمراھى چۈشسۇن.
— تۇغۇت ئانىسى، ئېمچى ھەمشىرەلەر قانچە بالام؟
— پېقىرە بىلەن يەتتە خوتۇن، ئاتا.
— بۇ سۈيۈنچىنى قوبۇل قىلىسلا، قىزىم.
— رەھمەت، ئاتا! ئۆز ئاتامدىنمۇ سۈيۈنچە ئالامدىمەن؟
— ئالىسلا بالام. ئاتا ئاۋۋال ئۆز پەرزەنتىگە سۈيۈنچە بېرىشى كېرەك.
بۇۋىئايىشە ئاجايىپ نەپىس گۈللۈك يىپەك رەخت بىلەن ئالماس كۆز قويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈكنى ئالدى.
— رەھمەت ئاتا، رەھمەت.
بەگىيۈسۈپنىڭ ھارغىن چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈردى. قىزارغان كۆزلىرىدە خوشاللىق جىلۋە قىلدى.
— ھەربىر تۇغۇت ئانىسى، ئېمچى ھەمشىرەلەرگە ئىككىدىن كۈمۈش يامبۇ، بىر كىيىملىكتىن تاۋار ھەدىيە قىلىشنى ئويلاشقانىدىم، بالام ئاز كەلمەس — ھە!
— ئاز كەلمەيدۇ، ئاتا.
— سىلى قويۇپ قويىسلا قىزىم.
— ماقۇل ئاتا. ئەمدى مەن ئابام قېشىغا چىقاي.
ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتا ئالدىرىمايدىغان بەگىيۈسۈپ خوتۇننىڭ يېنىغا كىرىشكە شۇنچە تەقەززا بولدى. ئۆي ئىشىكى
ئالدىغا ئون قېتىم بېرىپ ياندى.
بالا تۇغۇلغان بىلەنلا، ھەممە ئىش تۈگىدى، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر يۈز بەرمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئېچىنىشلىق ھالمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بەگىيۈسۈپ ئەنسىرەپ قالدى.
قىزى چىقىپ كېتىپ ئۆتكەن يېرىم سائەت ئونىڭغا بىر يىلدىن ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى. كاللىسىغا كەلمىگەن خىياللار كەلدى. تاقىتى تاق بولغاندا بۇۋىئايىشەنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
— ئاتا! ئاپام كىرسۇن دەيدۇ.
ئۇ ئۇچقاندەك كىردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم! — بەگىيۈسۈپ دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان ئوغلىغا سالام بەردى، — مۇبارەك بولسۇن.
ئاق زاكاغا يۆگەلگەن بوۋاق ئانىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ياتاتتى. بالىدىن كۆزىنى ئۈزمەي، بەگىيۈسۈپكە قارىغان دىلداربىكەنىڭ چېھرىدە خۇش تەبەسسۇم پەيدا بولدى.
— مەرھابا ئاتىسى، ئوغلىڭىزنى كۆرۈڭلار. كىمگە ئوخشاپتۇ؟
— ئاتىسىغا ئوخشايدۇ — دە، بېكەم، — بەگىيۈسۈپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ياتقان بوۋاقنى قولىغا ئالدى، — كۆزلىرىڭنى ئاچسىلا بالام، دۇنيانى كۆرۈڭلار، — دېدى ئۇ پېشانىسىگە سۆيۈپ.
بالا كۆزلىرىنى يېرىم ئاچتى — يۇ، قىرقىراپ يىغلاپ يەنە يۇمۇۋالدى.
— ئوغلۇم بۇ دۇنيانى ياق تۇرمايۋاتىدۇ، ئانىسى، — دېدى ئاتا ئوغلىغا تويمۇي قاراپ.
— ۋاقىت ئۆتكىنىچە ياق تۇرۇپ قالىدۇ، ئاتىسى. سىلىدەك بۈگۈن بىلگە ئاتىسىنى كۆرۈپ تونۇغاندىن كېيىن ياق تۇرۇپ قالىدۇ. قارىسىلا، نېمىدېگەن ئوماق!
بەگىسۇپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ، كۆزلىرىنى ئاچماي، ئۇياق - بۇياققا تەلپۈنۈپ يىغلاۋاتقان ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە يەنە سۆيدى. كۆزنەكتىن چۈشكەن سۈبھى قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى بوۋاقنىڭ گۈل يوپۇرمىقىدەك يۇمران مەڭزىدە جىلۋىلەندى. بەگىسۇپ بوۋاقنى ئېمىتىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزارتقان دىلداربېكەگە بېرىپ: — مەن تاشقىرىغا چىقىپلا كىرەي، — دەپ ماڭدى. ئۇ سۇلتانبەگنى ئېلىپ بازارغا كەتتى. ئون بىر قۇلنى سېتىۋېلىپ شۇ يەردىلا ئازاد قىلدى. ئۇلارغا ئوردىدىن ھۆر ئادەم بولغانلىقى توغرىسىدا ھۆرلۈك گۇۋاھنامىسى ئېلىپ بەردى. — سىلەرنى يۇرتۇڭلاردا ئاتا - ئانىلار كۈتۈپ تۇرىدۇ. بېرىپ كۆز يېشىنى قۇرۇتۇڭلار، — دەپ قوللىرىغا ھەسەن بوغراخاننىڭ نامى چۈشۈرۈلگەن كۈمۈش تەڭگە، يامبۇ بېرىپ يولغا سېلىپ قويدى. بورداق قوچقاردىن ئىككىنى ئېلىپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەندە، ئەر قوللارنى ئازاد قىلغىنىنى ئاڭلىغان دىلداربېكە: — ئاتىسى تولىمۇ ساۋابلىق ئىش قىلىپلا. نېمىشقا ئەر قولنىلا ئازاد قىلىلا؟ خاتۇن - قىز قوللارنى ئازاد قىلىشنى ئويلىشامدىلىمۇ؟ — دەپ سورىدى. — ئويلىشقان ئانىسى، قىزىم بۇۋىئايىشە تۇغۇلغاندا، توققۇز قىز قولنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلغانىدۇم. ئوغلوم بەگتۈرمۈش تۇغۇلغاندىمۇ شۇنداق قىلغان. كۆڭلۈمدە بار ئانىسى، كۆڭلۈمدە بار. — ھەممىلىرىگە رەھمەت، ئاتىسى. پېقىرەنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، چاغاندىن ئېلىپ كېلىنگەن لى لى ئىسىملىك بىر قۇل قىزنى قۇماربېكە سېتىۋېلىپ، ئاكىسى بوزاغۇچقا چۆرى قىلىۋېلىشقا بېرىپتىكەن. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەنە شۇ قىزنىڭ دېرىكىنى قىلىپ، ھايات بولسا يۇرتىغا قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا. توققۇز قۇل قىزنى ئازاد قىلغاندىنمۇ ئارتۇق ساۋاب تاپاتتىلا. بۇ
قوللىرىدىن كېلەرمۇ، ئاتىسى؟ — ئانىسى، سىلى ئادەمگە نېمىدەپكەن كۆيۈملۈك — ھە! ئابىسچۇ خاتۇن ۋە مۇناپىق بوزاغۇلار جازاسىنى تارتقان كۈنى لى لى ئىسىملىك ئۇ قىز بىلەن بىللە ئوردىدا قول بولۇپ ئىشلەۋاتقان يىگىرمە نەچچە يۇرتداشلىرىمۇ ئازاد قىلىنىپ، يولغا سېلىپ قويۇلغان. ئەتىسى بەگتاش جېلىل چاڭئەن، لوياڭدىن ئېلىپ كەلگەن ئون سەككىز قىز قولنىمۇ ئۆزۈم سېتىۋېلىپ ماكانىغا يولغا سېلىپ قويغانىدىم. ھازىر ئوردىكەنتتە چاڭئەن دىيارىدىن كەلتۈرۈلگەن قوللار قالمىدى. مەن مىسىر، رۇم، ھىندى ئەللىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قىز قوللاردىن توققۇز جۈپ سېتىۋېلىپ ئازاد قىلىۋەتتى. سىلى خوش بولسىلا، ئۆيدە خاتۇن — قىز قوللارنى ئىشلەتمەيلى. بولامدۇ؟ — بولمامدىغان، ئاتىسى. ھۆرلۈك — ئەركىنلىك بارلىق ئادەم ئۈچۈن قانات. ئالەم ئۈچۈن شاد — خۇراملىق. شۇنداق قىلسىلا. ئۇلار ئانا يۇرتىغا پەرۋاز قىلىپ بارسۇن! بەگىيۈسۈپ ئونىڭ دەپ كىنىدەك قىلدى. ئىككى قوچقارنى سۆيۈپ، دىلداربىكەنى تېرىگە ئالدى. ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان بۆرە بېشىنى قورۇ ئىشىكىگە ئېسىپ قويدى.
2
بەگىيۈسۈپ بۈگۈن ئوردىغا كېچىكىپرەك باردى. ھاجىبۇل ھۇججاپ مەھكىمىسىگە روھلۇق كىرىپ كەلدى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم جاناپلار، خوشۋاق بولۇڭلار! — مەرھابا ھەزرەتلىرى، ئەنسىرەپ تۇرۇۋېدۇق. دىدارلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز ئارامغا چۆشتى، — دېيىشتى ھاجىپلار. — يەنە بىر پەرەزەنتىم دۇنياغا كۆز ئاچقۇچە ئىلتىجادا بولۇپ، تۈنۈگۈن كېلەلمىگەنىدىم. بۈگۈن كېچىكىپ بولسىمۇ كەلدىم. ئاللا پېقىرنى نائۈمىد قويمىدى، — بەگىيۈسۈپ خوشال
ھالدا سەپداشلىرىغا ئۇتۇق، مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.
— مۇبارەك بولسۇن ھاجىبۇل ھۇججاب! ئاللانىڭ ئاتا قىلغىنى بۆرىمۇ، تۈلكىمۇ؟ — سوراشتى ئۇلار.
— بۆرە.
— قەدىمى قۇتلۇق، ئىشلىرى يوللۇق بولسۇن.
ئۇ ئۆز خانىسىغا كىرىپ، شۇ كۈنى بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويدى. ئاۋامدىن كەلگەن ئەرز، ئىلتىماسلارغا تەستىق سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك خانلىق مەھكىمىلىرىگە يوللاپ بەردى. چۈشكە يېقىن بۇغراخان ئالدىغا كىردى.
— پات ئارىدا يولغا چىقماقچى بولۇۋاتىمەن. ئالىيلىرىنىڭ قانداق ئەمىر — پەرمانلىرى بار؟
— نېمىنداق تېز؟
— كۈز پەسلى كىردى. ئەمدى يولغا چىقمىسام سوغۇق چۈشۈپ كېتىدۇ، ئالىيلىرى. ئۆمۈر ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. قىلىدىغان ئىشلار تېخى كۆپ. تېزىرەك ئاتلانسام ھەم بىر ئارزۇغا يەتكەن، ھەم ۋاقىتنى ئۇتقان بولىدىكەنمەن.
— قاچانراق ماڭماقچى بولۇۋاتىسىز؟
— توققۇز تارتۇق تەييار بولغان كۈنلا يولغا چىقماقچىمەن.
— ئۇنداق بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدىلا توققۇز تارتۇقنى تەييارلاپ بولۇش ئۈچۈن ئاغچى ئۇلۇغىغا پەرمان چۈشۈرەي. سىزمۇ تەييارلىقىڭىزنى قىلىۋەرگەيسىز.
— خۇپ ئالىيلىرى!
بېگىيۈسۈپ چۈشتە ئۆيىگە بارماي، ساچىيە مەدرىسىگە كەلدى ۋە مەدرىسە تاماقخانىسىدا ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ قاتارلىق ئالىم — ئۆلىمالار بىلەن بىللە تاماق يېدى. پېشىن نامىزىنى بىللە ئوقۇدى. ئىككى يۈزدىن ئارتۇقراق تالىپقا ئىككى يېرىم سائەت دەرس ئۆتتى. پات ئارىدا بالاساغۇنغا بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سەپەردىن كەلگۈچە، ئۆزىنىڭ ئورنىدا
831
باشقا مۇدەررىسلەرنىڭ دەرس ئۆتۈپ تۇرۇشىنى، ئەتەدىن باشلاپلا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىنى باش مۇدەررىستىن ئۆتۈندى.
— ھاجىبۇل ھۇججاب جاناپلىرى، ئۆزلىرى قايتىپ كەلگۈچە قايسىمىز بار، قايسىمىز يوق؟ بىلگۈچى ئاللا. ئۆزلىرىنى ئۇزىتىپ قويىمىز، — دېيىشتى مۇدەررىسلەر.
— رەھمەت بۇرادەرلىرىم، رەھمەت. ھەربىرىڭلاردىن ئايرىلىشنى زادى خالىمىساممۇ، تەقدىر — قىسمەت شۇنداق پۈتۈلگەچكە خوشلىشىۋاتىمەن. ماقۇل، ماڭىدىغان كۈنى ھەربىرىڭنى ئەلۋەتتە ۋاقىپلاندۇرىمەن.
بەگىيۈسۈپ مەدرىسىدىن ياندى. تۇغۇتلۇق ياتقان دىلداربىكىگە بالاساغۇنغا بارماقچى بولغىنىنى قانداق بىلدۈرۈش توغرىسىدا خىيال سۈرۈپ مېڭىپ، ئۆيگە يېتىپ كەلگىنىنى بىلمەيلا قالدى. قۇلىقىغا «ئىڭە — ئىڭە !…» دېگەن چىرقىراق ئۈن ئاڭلانغاندا، بۇلدۇقلاپ تۇرغان ئايبۇلاق يېنىدا بىرھاز توختاپ ئىچكىرى ھويلىغا قاراپ ماڭدى.
كۆز سەلكىنى دەل-دەرەخلەرنى يەلپۈپ تۇرغان ئاشۇ خانىدا، خوتۇنى بوۋاقنى بەلەنگە ياتاتتى. نېمە ئۈچۈندۇر بەگىيۈسۈپنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە دۈپۈلدەپ سوقۇپلا تۇردى. ئۇ كىرگەندە خوتۇنى بالىسىنى ئېمىتىۋاتاتتى.
— بىكەم، ئەھۋاللىرى قانداقراق؟ ئوغلۇم سىلىنى شوراپ تېخىمۇ زىلۋالاشتۇرۇۋېتىدىغان بولدى، — ئۇ ئولتۇرۇپ، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئاچقان ئوغلىنى قولىغا ئالدى، — كۆچتۈڭگۈر، ئەقىللىك يىگىت بولىدىغان ئوخشايدۇ. قارىسىلا بودەكلىكىنى. بۈگۈن كۆزىمۇ ئېچىپتۇ.
— كۆزىنى تېخى سىلى كىرگەندىلا ئاچتى. ئاتىسىنى كۆرگۈسى كەلگەن ئوخشايدۇ. بەك بېغەم، قورسىقىنى تويدۇرۇۋېلىپلا كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ، — دېدى ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغان دىلداربىكە ئوغلىغا تەلمۈرۈپ، — چۈشتە كېلىمۇ دېمىدىلە. يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى سېغىنىپتىلىمۇ؟ قانداق
چىدىغانلا ھە؟!
بەگىيۈسۈپ نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدى. ھەرقانداق يەردە سۆزدە تۇتۇلمايدىغان ئالىم شۇ تاپتا دۇدۇقلاپ قالدى.
گەپ قىلمايلىغۇ بېگىم؟ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغىنىدىن خۇش بولمىدىڭىزمۇ يا؟
نېمىشقا خۇش بولماي. پادىشاھلار شەھەر ئالغاندا، تالىپلار ئىمتىھاندىن ئۆتكەندە، ئالىملار كىتابى خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەندە خۇش بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ خۇشلۇقى پەرزەنتى تۇغۇلغان چاغدىكى شاد خۇراملىقىغا ھەرگىز يەتمەيدۇ، بىكەم. يىقىرمۇ خۇرسەنلىكىمنى تىل بىلەن ئىپادە قىلالمايمەن. چۈنكى، قانىتىم ئىككى بولدى. ئەمدى ھەرقانداق يەرگە ئۇچۇپ بارالايمەن، بەگىيۈسۈپ ئوغلىنىڭ غۇنچىدەك قىزارغان مەڭزىگە سۆيدى.
شۇنداقتىمۇ بېگىم؟
ئەلۋەتتە.
ياق، ياق. سېغىنغان بولسىلىرى چۈشتە ئوغۇللىرىنى كۆرگىلى كېلەتتىلە، دىلداربىكە ئېرىنىڭ قولىدىن بالىنى ئېلىۋالدى.
خوتۇنىنىڭ بەكلا خاپا بولۇپ قالغىنىدىن چۆچۈگەن بەگىيۈسۈپ يېقىنراق سۆرۈلۈپ دېدى:
ئانىسى، بۈگۈن ئوردىدا مۇھىم بىر مەسلىھەت بولدى. چۈشتە ساچىيە مەدرىسىدە بولدۇم.
توختىسىلا ئاتىسى، ئوردىدىن يېنىپلا ئۆيگە كېلىپ، ئوغۇللىرىنى ئەركىلىتىپچە تاماق يەپلىپ، ئاندىن مەدرىسىگە بارسىلا بولمامتى؟ دىلداربىكە غوتۇلداپ، ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋالدى.
بولاتتى خاتۇن، بولاتتى. ئەمما، مەدرىسىگە بېرىپ ئەتە ئۆتىدىغان دەرسىمنى باشقىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمىسام بولمايتتى. بۇ ئىشلارنى تۈگەتكۈچە كېچە بولۇپ قالدى.
ئوغلىمىنمۇ شۇنچە سېغىندىم. — ھېچ چۈشەنمىدىمغۇ بېگىم؟ نېمىشقا ئەتەبكى دەرسنى ئۆزلىرى ئۆتمەيلا؟ — ھۆرمەتلىك بېكەم، ئانىسى، ئاچچىقلانماي، بۆلمەي گېپىمنى ئاڭلىسىلا، — بەگتۈسۈپ سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدىن گەپ ئاچتى، — بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ قوزغۇلىڭىغا كەتكىنىگە ئالتە ئايدىن ئاشتى. ھال سوراپ، توققۇز تارتۇق ئەۋەتىشنىڭ ۋاقتى بولدى. ئونىڭ ئۈستىگە بۇغرا قاراخانىمىز ياشىنىپ قالغاچقا، يۇغرۇش، ھاجىپلارنىڭ دۆلەت خىزمىتىنى قانداق ئادا قىلىۋاتقىنىنى تولۇق بىلىپ كېتەلمەسلىكى تۆپىلىدىن يۈز بېرىدىغان ئاسىيلىق، خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاچقا، ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان قوزغۇلىڭىغا بىر بېرىپ كېلىشىمنى ئۆتۈندى. يالغۇز توققۇز تارتۇق ئېلىپ بارىدىغان ئىش بولسا، رەت قىلغان بولاتتىم. دۆلەتنىڭ ھايات — ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈرىيەت بولغاچقا، رەت قىلماي ماقۇل بولدۇم. — ئوغلىمىزنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى بۇغراخانغا ئېيتماپتىلا — دە؟ — شۇنداق، ئېيتىشنى ھاجەتسىز بىلدىم، ئانىسى. دىلداربېكە شۈك بولۇپ كەتتى. بالا يىغلاپ، ئاغزىنى ئۆمىلەپ، ئىككى يېنىغا ئۆمتۈلۈشكە باشلىغاندىلا قولىغا ئېلىپ بەگتۈسۈپكە قارىدى: — ئاتىسى مەن ئونداق كۈنچى، نادان خوتۇنلاردىن ئەمەس، لېكىن، ئوغۇللىرى تۇغۇلغان خاسىيەتلىك كۈندە بۇنداق يوقاپ كېتىشلىرى پېقىرەنى ساراسىمىگە سېلىپ قويغانىدى. كەچۈرگەيلا. سەۋەبىنى، كۆڭۈللىرىدىكىنى بىلدىم. سىلى ۋەتەن، خەلق خىزمىتىگە ئۆزلىرىنى ئاتىۋەتكەن بوغۇچ. ئىشلار ماڭا ئايدەك روشەن بولغاندا، نېمىشقا يوللىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولاي؟ بارسىلا ئاتىسى، بارسىلا. مۇبارەك قەدەملىرى قوزغۇلىڭىغا ۋە
پۈتۈن مەملىكەت ئەھلىگە قۇت ئاتا قىلسۇن. ئوغۇللىرىنى ئوبدان بېقىپ چوڭ قىلىپ تۇرىمەن. خاتىرجەم بولسىلا، سىلىگە مالاللىق كەلتۈرىدىغان ئىشنى ۋاپادار ئاغىچىلىرى ئۆزىگە زىنھار راۋا كۆرمەيدۇ.
كۆڭلى تەسكىن تاپقان بەگىيۈسۈپ مېھرلىك نەزىرى بىلەن مەھبۇبى سۇنۇپ بەرگەن ئوغلىنى قولىغا ئالدى.
— كۆڭلۈمنى دېسەم يېنىڭىزدىن دەقىقىمۇ ئايرىلغۇم يوق، ئانىسى. ئەتەگەن — ئاخشامدا ئوغلىمنىڭ يىغا — كۈلكىسىنى ئاڭلاشنى زوقلاندۇرىدىغان، ھوزۇر بېغىشلايدىغان ھەرقانداق راھەت — پاراغەتتىن ئارتۇق كۆرىمەن. مەن بىر ئاتا. يېقىرنىڭ ئارزۇ — ئۈمىدى تۆمەنلىگەن ئاتا — ئائىلىنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش بەختىگە داۋاملىق ئىگە قىلىش. بۇ يولدا ھەممە سائادىتىمدىن كېچىشكە رازىمەن. ئۆز سائادىتىدىن كېچەلمىگەن بوغۇچ ئەلگە سائادەت ئاتا قىلالمايدۇ. رەھمەت ئانىسى، رەھمەت ۋاپادار بېكەم. مېنى چۈشەنگەنلىرى، يولۇمنى پاك مېھرلىرى، كۆيۈملىرى بىلەن راۋانلاشتۇرغانلىرى ئۈچۈن رەھمەت. تەڭرى سىلىنى ھەرگىز نائۈمىد قويمىغاي.
ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرىدىن تامچىغان ياشلار ئوتلۇق كۆكرەكلىرىدە قوشۇلدى.
ئەتىسى ئۇرۇق — تۇغقان ۋە بىر قىسىم يار — بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئوغلىغا ئات قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ ئاپپاق زاكىغا يۆگەلگەن بوۋاقنى باغرىغا بېسىپ تۇرغان بەگىيۈسۈپتىن:
— ھاجىبۇل ھۇججاپ، ئوغلىنىڭ ئېتىنى نېمە قويماقچى بولۇشتىلا؟ — دەپ سورىدى.
— مىرتامانبەگ، ئۇستاز.
— مۇبارەك ئىسىم ئىكەن.
— ھەزرەتلىرى قويۇپ بەرگەن بولسىلا.
— بۇ شەرەپكە نائىل بولغىنىمدىن خوشالمەن، جانابلىرى، — ھۈسەيىن پەزلوئللا ئېبنى خەلەپ بالىنى قولىغا ئالدى. ئوڭ قولىغا ئەزان، سول قولىغا تەكبىر ئېيتىپ، — مۇبارەك ئىسىملىرى مىرئامانبەگ بولسۇن بالام. قويۇلغان ئاتلىرىدا قەيت قىلىنغاندەك، ئۆز زاتلىرىغا بەگ بولۇپ، ئەسىرلىك مەرتىۋىسىگە يەتكەيلا، — دەپ ئات قويۇپ بەردى. دىلداربىكە ھامىلدار ۋاقتىدا تىكىپ قويغان كۆڭلەك، ئىشتان، چاپان، دوپپىنى مىرئامانبەگكە كىيدۈردى. بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ تېلىپىنى يەردە قويماي، بىر بوردا توقاچ نان، ياڭاق، بادام، ئۈچ تال قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ئېغىزلاندۇردى. شۇ كۈنى كەچتىلا ئوپالغا بېرىپ ئەتەسى يېنىپ كەلدى. — بۈزرۈكۋار ئانىمىز قانداقراق تۇرۇپتۇ ئاتىسى؟ — دەپ سورىدى دىلداربىكە. — ئوبدان تۇرۇپتۇ. ئوغلىمىزغىمۇ، ئاقيوللۇق بولۇشىمۇ دۇئا قىلدى، ئانىسى. سالامەت يەتكۈزگەنلىرىنى قۇتلۇقلاپ، ئوغلىمىزغا تۇمار پۈتۈپ بەردى. مەھمۇد تېگىننىڭ ئىز — دېرىكىنى قىلىشىمنى تاپىلىدى. پېقىر بۇ سەپىرىمدە بۇۋىرابىيە ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىمەن، ئانىسى. سلىمۇ بالىنىڭ قىرىق تويىنى ئۆتكۈزۈپلا ئوپالغا بېرىپ ئونىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغايلا. ئۇ دۇنيادىكى بىر ئۇلۇغ ئانا. — خاتىرجەم بولسىلا، ئاتىسى. سىلى كەلگۈچە ئوپالغا بىر ئەمەس، بىر قانچە قېتىم بېرىپ بۇۋىرابىيە ئانىمىزنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ كېلىمەن. ئۈچ كۈن شۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ ئۆيىدە بولدى. ئۇ سەپەرگە ئاتلانغان سەھەر، دىلداربىكە مىرئامانبەگ بىلەن ئۇنى ئىشىك ئالدىدىلا ئۇزىتىپ قالدى. يۈرىكىنىڭ يېرىمى ئۆيدە قالغان بەگىيۈسۈپ ئارقىسىغا قاراپ — قاراپ، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىگەن ھالدا يۈرۈپ كەتتى.
3
كۈز قۇياشىنىڭ ئالتۇن نۇرى بالاساغۇن شەھىرىدىكى ئوردا كۆزىتىش مۇنارىنىڭ قاراۋۇللار تۇرىدىغان بالىخانا دېرىزىلىرىدە چاقنىدى. گۈمبەز شەكىلدىكى ئېگىز سۇ مۇنارىنىڭ يېشىل كاھىشلىرىغا جۇلا تاشلىدى. كۈن پەلەككە كۆتۈرۈلگەنچە نىسبىي ئادەمگە خۇشياقىدىغان ئىللىق ئاپتاپ كوچا - كويلارغا، ھويلا - ئارانلارغا ئېتەك يايدى.
بۇغرا قاراخان سارىيىغا كىرىپ تەختكە چىققان توغرۇل قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان ۋەزىر - ۋۇزۇرلار، شەيخۇلىسلام، ھاجىپ، سانغۇنلارنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ سورىدى:
— نېمە گەپ بار؟
— ئالەمپاناھ، شاھىنشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئادالىتى ئاستىدا، مەشرىق پاراغەتتە، مەغرىب راھەتتە، شىمال تىنچ، جەنۇب شاد - خۇرام، — دېدى قول باغلاپ ئورنىدىن تۇرغان يۇغرۇش بېشى قۇتلۇقبەگ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، — خاتىرجەم بولغايلا خاقانىم. ھەممىمىزنىڭ بەختى — ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقىدۇر.
— ئوردىكەنتتىن خەۋەر بارمۇ؟
— يوق، ئالىيلىرى، پات ئارىدا خۇش خەۋەر كېلىشتىن ئۈمىدۋارمىز، — سۇباشى ئورخۇنبەگ جاۋاب بەردى.
— پېقىر قۇللىرىنىڭ بىلىشىچە، خۇش خەۋەر كېلىشى ناتايىن خاقانىم، — قۇتلۇقبەگ ئورخۇنبەگنىڭ سۆزىنى قىپىۋەتتى.
— ناتايىن دېگىنىڭىز نېمە مەنانى بىلدۈرىدۇ يۇغرۇش بېشى؟ — ئورنىدىن تۇرغان ئالىپ بۆرەبەگ ئونىڭغا بىر ئالىيىپ، ئاندىن خاقانغا تەزىم قىلدى، — مېنىڭچىمۇ ئوردىكەنتتىن خۇش خەۋەر كېلىشىدە گۇمان يوق، ئالىيلىرى.
837
ئەندىشە قىلمىغايلا. — پۈتكۈل ئايماق، ۋىلايەتلەردىن، ئۆلكە، دىيارلاردىن خەۋەر، توققۇز تارتۇق كېلىپ بولدى. پەقەت ئوردىدىنلا جىمىپ كەتتى. بۇنىڭدا مەسىلە يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ — دېدى بۇغرا قاراخان چىچىلىپ. ئۇ مۇشۇ بىر ئايدىن بېرى ھەر كۈنى دېگۈدەك تەختكە چىقىپلا «ئوردىدىن خەۋەر بارمۇ؟» دەپ سورايتتى. «يوق، پات يېقىندا خەۋەر كېلىشىدىن ئۈمىدۋارمىز» دېگەن جاۋابنى ئاڭلاپ، شۈك بولۇپ قالاتتى. بۈگۈن قۇتلۇقبەگنىڭ «خەۋەر كېلىشى ناتايىن» دېگەن جاۋابنى ئاڭلاپ، ئۈمىدسىزلەنگەندىن ئاچچىقلىنىپ قالدى. — قۇتلۇقبەگ توغرا ئېيتىدۇ. ئوردىدىن خەۋەر كەلمەسلىكى مۇمكىن. كېلىدىغان بولسا، بۇ چاغقىچە كەلمەسمىدى. دەرھال ئوردىغا چاپارمان ماڭدۇرۇلسۇن! — خۇپ شاھىنشاھىم، — قۇتلۇقبەگ پۈتۈكچىگە بۇغرا قاراخان نامىدىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا ئوردىنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنغان مەلۇماتنامە ئەۋەتىش توغرىلىق مەكتۇپ يېزىپ، ئەشكىنچىدىن دەرھال ماڭدۇرۇشنى بۇيرۇدى. چاپارمان يولغا چىقىپ ئۈچىنچى كۈنى كۆزىتىش مۇنارىدىكى كۆزەتچىلەرنىڭ نەزىرى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراپ چاڭ توزۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر كارۋانغا چۈشتى: ئىتنىڭ قوش بېشىغا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تۇغىنى قادۇۋالغان ياراغلىق كىشى ئالدىدا كېلىۋاتاتتى. قاراۋۇللار دۈشمەن ئەمەس، ئۆز كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، تاكى ئۇلار «قوۋۇقى كاشغەر»دىن كىرگۈچە كۆز ئۈزمىدى. ئۇلار ئوردا ئالدىغا كەلگەندە ئاتلىرىدىن چۈشتى. بۇلار — بەگىيۈسۈپ بىلەن توققۇز تارتۇقنى ئېلىپ كەلگەن مۇلازىم، غۇلاملار ئىدى. كەلگەنلەردىن خەۋەر تاپقان مەھمۇد
ئارسلانخان بەگىيۈسۈپنى دەرھال قوبۇل قىلدى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، ئەزىز دەرگاھلىرىغا ئوردۇكەنت خەلقى ۋە ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ سالام ۋە توققۇز تارتۇقىنى ئېلىپ كەلگىنىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، — بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى مەيدىسىگە قويۇپ تەزىم قىلدى، — تەڭرى ئالىيلىرىغا كۈچ — قۇۋۋەت، ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلغاي. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۈگۈ بىلگە ھاجىپ، ئوردۇكەنت خەلقى تىنچ — ئامانمۇ؟ ھەسەن بۇغراخان ئامانمۇ؟ سوغۇق نەزەر بىلەن سورالغان بۇ سوئالدىن بەگىيۈسۈپ ئانچە ئەجەبلەنمىدى، ھودۇقۇپمۇ كەتمىدى. بۇغرا قاراخاننىڭ كۆڭلىدىكى غۇم ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. — ئوردۇكەنت خەلقى ئاللا پاناھىدا تىنچ — ئامان ۋە شاد — خۇرام. ھەسەن بۇغراخان ئالىيلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇئالىرى بەرىكىتىدىن ساق — سالامەت تۇرىدۇ. ئەمىن بولغايلا، — دېدى ئۇ تېمىسكەن ھالدا. — ئۇنداق بولسا ھەسەن بۇغراخان توققۇز تارتۇقنى نېمىشقا شۇنچە كېچىكىپ ئەۋەتىدۇ؟ — بۇغرا قاراخان پىل چىشىدىن ياسالغان كۆركەم ھاسىسىنى تەختنىڭ كۈمۈش پايىسىگە غەزەپ بىلەن «تاق!» قىلىپ ئۇردى. — چىچىلمىغايلا ئالىيلىرى. ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىپ سۆزۈمگە قۇلاق سالغايلا، — بەگىيۈسۈپ ئالدىغا بىر قەدەم باستى، — ئەلۋەتتە، ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان تارتۇقنى باشقا ئۆلكە، ئايماقلاردىن بۇرۇنراق ئەۋەتىشى لازىم ئىدى. ھالا مۇشۇ ئاي — كۈنلەردە، سوغۇقچىلىق ۋەيران قىلىۋەتكەن ئوردۇكەنتنىڭ چوك — كىچىك يوللىرى، كوچا — رەستە، بازارلىرى قايتا ياسىلىپ ئاۋات قىلىندى. كونىراپ قالغان يازلىق، قىشلىق ئوردىلارمۇ ياسىلىپ بېزەلدى. ئەسكىرىي قورغانلار كېڭەيتىلدى. يېڭىدىن مەكتەپ، مەدرىسەلەر سېلىندى،
839
سېلىنىۋاتىدۇ. قورغانلار قۇرۇلۇپ، ئېرىق - ئۆستەڭلەر چېپىلىۋاتىدۇ. ئوردۇكەنت ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئاستانىگە ئايلانماقتا. كېچىكىپ قېلىشىمىزدىكى سەۋەب: ئوردۇكەنتتە مانا شۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن ۋاقىپلىنىپ ئالىملارنى مەمنۇن قىلىمىز دەپ، ئىشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈپ، ۋاقىتنىڭ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيماي قالغىنىمىزدا. كەچۈرسۈنلەر.
— توختاڭ ھاجىپ، سىز مەلۇم قىلغان ئىشلار كۆپ خىراجەت كېتىدىغان چوڭ ئىشلاردۇر. بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قانداق ھەل قىلدىڭلار؟ ئوردا خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالمىغاندۇ؟
— يوقسۇ ئالىيلىرى. ھەزرەتلىرىنىڭمۇ خەۋىرى بار. ئوردۇكەنتنىڭ دەھكار سودىگەرلىرى، باي ھۈنەرۋەن - كاسىپلىرى، تارىخچى، يىلقىچىلىرى، ئالىم - ئۆلىمالىرى نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش، ئاشلىق، ئات، قوي، كالىلىنى خانلىقىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ھەدىيە قىلىشقانىدى. ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئەمرى بىلەن ھەدىيە قىلىنغان بايلىقنىڭ يېرىمىنى خىراجەت قىلدۇق، خالاس. ئىشقا كىرىشكىنىمىزدە، شەھەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى «ھەدىيە قىلىپ بولدۇق» دېمەستىن ھە دەپ ئىئانە قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق ئاجايىپ مەنزىرە بارلىققا كەلدىكى، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە يەككە تۇرمىغان ئادەم قالمىدى. خەزىنە قۇرۇقدالمايلا قالماستىن، بەلكى ئاشتى. بىز ئېلىپ كەلگەن توققۇز تارتۇقمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
— مۇنداق دەڭ ھاجىپ، مەن ئەنسىرەپ قاپتىمەن. بىلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئاسىي سوغۇقچىلىقنىڭ كاساپىتىدىن خانۇۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن ئوردۇكەنتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۆزۈم يەتمەي، قورقۇنۇچتا تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، بۇ قەلئەگە كېلىۋالغىنىم راست. خەيرىيەت، ئاللا رازى، ئاتام مەمنۇن بولىدىغان خاسىيەتلىك ئىشلار قىلىنىپتۇ.
ئۆلتۈرۈك بەگىيۈسۈپ. تازا تەقەززا بولۇۋاتقىنىمدا كېلىپ، مېنى غەمدىن ئازاد قىلدىڭىز. يەنە بىر ھەپتە كېچىككەن بولسىڭىز، ئوردىدىن يۈرۈش قىلغان بولاتتىم. شۇنداق بولمامتى يا جانابلار؟! ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇغرۇش ھاجىپلارغا مۇراجىئەت قىلىپ تۈگەتتى.
ھەق راست، شاھىنشاھ ئالىيلىرى، دەرھال قوپقان قۇتلۇقبەگ ئېگىلىپ سۆز باشلىدى، دۇنيادىكى سان ساناقسىز ئىشلارنىڭ ھېكمىتىنى بىلگۈچى ئاللا. بىز بەندىلەرنىڭ بىلىدىغىنىمىز ناھايىتى ئاز. ئوردىدىن ئۆتكەندە ئادەم كەلمىگەچكە، ھەر خىل ئوي پىكىرلەردە بولۇشىمىز تەبىئىي ئەھۋال. بولۇپمۇ ھەزرەتلىرى كۆپ غەم يېدىلە، ئەنسىرىدىلە. بىزمۇ دىلغۇل بولۇپ نېمە دېيىشىمىزنى، نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇۋېدۇق، ھاجىبۇل ھۇجاپ جانابلىرى يېتىپ كېلىپ، ئالىيلىرىنى خاتىرجەم، بىزنى مەمنۇن قىلدى. بولمىغۇر خىياللار دەشتىدە ئېزىقىپ قېلىشتىن ساقلاپ، ھىدايەت يولىغا باشلىغاقچە، ھەقىقەت ئاشكارا بولۇپ، قاراڭغۇلاشقان كۆز ئالدىمىز يورۇدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بەگىيۈسۈپ جانابلىرىغا كۆپ تەشەككۈر قىلىپ، شەرىپىگە بەگ تەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
شاھىم، پېقىر ئوردىدىن خۇش خەۋەر كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، بەلكى جەزمەن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى بىر قانچە قېتىم قەيت قىلىپ، يۇغرۇش، ھاجىپلارنىڭ غەيرىي پىكىردە بولماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىدىم، لېكىن بەزى يۇغرۇش ھاجىپلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى. ئۈمىدىمگە يارىشا ھاجىبۇل ھۇجاپ جانابلىرى كېلىپ، ئىشەنچىمنى ئاقلىدى. ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم قىلدى، سۆزىنى تۈگەتكەن ئورخونبەگ بەگىيۈسۈپكە ئېھتىرام بىلدۈردى.
ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ ئالىيلىرى، ئوردىدىن
ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن بۈگۈ بىلگە بەگىيۇسۇپ جاناپلىرىنى تۆگە سويۇپ قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدۇ، دېدى ئالىپ بۆربەگىمۇ چىن دىلىدىن ئۇنى قوللاپ.
بەگىيۇسۇپكە ئەھۋال تېخىمۇ ئايدىڭ بولدى.
«قۇتلۇقبەگ بۇغرا قاراخاننى ئۇچۇرۇپ ماختاپ، ئىشەنگىدەك نائىل بولۇۋالغاندەك تۇرىدۇ. قارىغاندا بۇرۇنقىدەك ھىيلە مىكىر بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. يەنە لەۋەن خاتۇن قىزلارغا باسماق قويۇپ، قىلتىققا چۈشۈرۈش كويىدا بولۇۋاتامدىغاندۇ؟…» بەگىيۇسۇپ ئويلاپ، ئوردا ئەربابلىرىغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن باقتى.
روھىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالغان ۋەزىر، ھاجىپلار ئارقا ئارقىدىن پىكىر بايان قىلىپ، بەگىيۇسۇپنىڭ بالاساغۇنغا كەلگىنىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جانابلار، بىر مەملىكەت پادىشاھى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ھەممىدىن ئەلا. توققۇز تارتۇق ۋە ئەھمىيەتلىك ئېلىپ كەلگەن ھاجىبۇل ھۇججاب بەگىيۇسۇپ جاناپلىرى شەرىپىگە كېچۆرۈن ئوردا بەزمىخانىسىدا بەگ تەرەكسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. قەدەمدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر. ھازىر توققۇز تارتۇقنى قوبۇل قىلىمەن! دەپ بۇغرا قاراخان تەختتىن چۈشتى.
ئېگىز بويلۇق بۇ شاھىنشاھ سەل مۈكچىيىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ ۋەزىر ۋوزارالىرى بىلەن دىۋانخانا ئالدىدىكى بوستانلىق سەيناغا چىقتى. پېتىشقا ئاز قالغان كۈننىڭ ياقۇت نۇرلىرى يەردە ئالتاغىل شولا پەيدا قىلغانىدى.
بەگىيۇسۇپنىڭ بۇيرۇشى بىلەن مۇلازىم غۇلاملار قەشقەرنىڭ ئات تۆگىلىرىگە يۈكلەنگەن توققۇز تارتۇقنى كەلتۈردى.
توققۇز تۆگىگە قىلىچ، خەنجەر، ئوقيا، نەيزە سېلىنغان توققۇز جۈپ ساندۇق، توققۇز تورۇققا خوتەننىڭ تاي تاي قىلىپ يۆگەنگەن يىپەك ۋە يىپەك گىلەملىرى، توققۇز بوز ئاتقا چاچقۇن، لۇيائەننىڭ تاي قىلىپ ئورالغان تاۋار دۇردۇن،
كېمخابلىرى، توققۇز بۇغراغا توققۇز جۈپ ساندۇققا قاچىلانغان ئالتۇن، كۈمۈش، مەرۋايىتلار، توققۇز قارا بويۇنغا قەشقەرنىڭ بادام، ياڭاق، گۈلە - قاقلىرى قاچىلانغان بوز تاغارلىرى ئارتىلغانىدى.
بۇغرا قاراخان توققۇز تارتۇقنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى. باش لىڭشىتىپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
— رەھمەت ھەسەن بۇغراخانغا. سىزگە، ئوردىكەنت خەلقىگە رەھمەت! — دېدى ئۇ ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ ۋە ئاغچى ئۇلۇغىغا تارتۇقنى خەزىنىگە ئەكىرىۋېتىشنى بۇيرۇدى.
— لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ قوبۇل قىلغايلا.
— قوبۇل قىلدىم، بەگىيۈسۈپ، ئاخىر توققۇز تارتۇقنى سىز ئېلىپ كېلىپ، غەزەپ ئوتۇمنى رەھمەت سۈيى بىلەن ئۆچۈردىڭىز، سىزدىن باشقا ئەرۋاب ئېلىپ كەلگەن بولسا بۇنداق قىلالمايتتى. مېنى ئاللا ئالدىدا گۇناھكار بولۇشتىن ساقلاپ قالدىڭىز، — بۇغرا قاراخان كۆزلىرىگە ياش ئالدى، — مەن قېرىپ قالدىم. سىز كېتەمدىغانسىز؟
— كېتىمەن ئالىيلىرى، قىشنى چىقىرىپ كېتىمەن. ئوردىكەنت ئەھلى يولۇمغا كۆز تىكمەكتە. بالىچاقىلىرىم ماڭا ئىنتىزار.
— ئۇنداق بولسا سىزنى توسۇمايمەن. كەتكۈچە ئوردىدا تۇرۇڭ، سىز بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراي.
— ھەممىلىرىگە رەھمەت، ئالىيلىرى. مۇلازىم - غۇلاملىرىم ئوردا تېكىخانىسىدا تۇرسۇن. پېقىر تۇغۇلغان ئۆيۈمدە تۇراي. ئەلۋەتتە، كۈندە دېگۈدەك كېلىپ خىزمەتلىرىدە بولىمەن، — بەگىيۈسۈپ ئاستا باش ئەگدى.
— ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن، ھاجىبۇل ھۇججاپ.
مەھمۇد ئارسلانخان ئونىڭ بىلەن بىللە شام چىراغلار يېقىلىپ كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن زىياپەت زالىغا كىردى ۋە تۆردىن ئورۇن ئېلىشتى. داستىخانغا قويۇلغان نازۇ نېمەتلەر
ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېشى يەتتى.
بەگىيۈسۈپ بۇ كاتتا بەگ تەرەكسىدىن يېنىپ، ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن قەدىمكى جاينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئۆتكەنىدى.
ئۇ ئايدىڭدا پارقىراپ تۇرغان توچ ھالقىنى قاقتى.
4
بەگىيۈسۈپنىڭ بالاساغۇندىكى خوشۋاق كۈنلىرى تېز ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ بەگۇقا مەھەللىسىدىكى ئاتا مىراس ئۆيىدە تۇردى.
ئادارباي قورۇنى كېڭەيتىپ ياساپ يېڭىلىغانىدى. بۇرۇنقى كۆل كولىنىپ، ئەتراپىغا بوغما قاپاق شەكىللىك ئادەك ئورنىتىلغاچقا ھويلا تېخىمۇ كۆركەم تۇس ئالغانىدى. كۆل بويىدىكى راھەت سۇپىسى چوڭايتىلىپ، ئۈستىگە سايىۋەن ئورنىتىلغانىدى. تاملىرى گەجخاك قىلىنغاچقا ئۆيلەر يېڭى ياسالغاندەك كۆرۈنەتتى.
بالاساغۇن شەھىرىدە ھۆرمەتلىك ئاغىچا خېنىم بولۇپ قالغان قىزتۇرمىشتىنمۇ بەگىيۈسۈپ رازى بولدى. ئۇ ئۆي - ھويلا، باغ ئىچىنى ناھايىتى پاكىز تۇتقانىدى. سۈرتۈلگەن دەرىزىلەر پارقىراپ تۇراتتى. گىلەم، كۆرپە، يەكنەندازلار يېڭى تىكىلگەندەك تازا ئىدى. توخۇم، ناۋات سۈيى بىلەن پاتلانغان تام - تورۇسلاردا توپا - چاڭدىن ئەسەر يوق ئىدى.
بەگىيۈسۈپ قىزتۇرمىش ئاغىچا خېنىمنىڭ ھەر كۈنى سەھەر دەھدەك - خىزمەتكارلىرىنى باشلاپ بۇ باغلىق چوڭ قورۇنى سۇ سېپىپ سۈپۈرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ھەتتا گۈل - گىياھلارنىمۇ يۇيۇپ، تارتىپ چىققان قىز - چوكانلاردەك چىرايلىق قىلىۋېتەتتى.
بەگىيۈسۈپ كەلگەندىن بۇيان ئۆيدىن مېھمان ئۈزۈلمىدى. قىزتۇرمىشمۇ ئاشخانىدىن چىقالمىدى. ئۇ ئەتكەن لەززەتلىك
تاماقلار داستىخانغا قويۇلغاندا، ئانىسى يابرا ئاغىزچە كۆز ئالدىغا كېلىۋەتتى.
بېگىيۈسۈپ «بۇغراخان» ۋە «رەيھانىيە» مەدرىسىلىرىگە بېرىپ، ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلىرى، شاگىرتلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ھەربىر مەدرىسىگە مىڭ سەردىن ئالتۇن ھەدىيە قىلدى.
بالاساغۇن شەھرىنىڭ شەيخۇلىسلامى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ئۇلۇغ ھاجىپ كۆيۈئوغۇلنىڭ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالىم - ئۆلىما، دەۋكار تىجارەتچىلەرگە كاتتا چاي بەردى. قېيىنئانىسى ھاۋاخان قوشنىچىم ئۆزى تىككەن يېشىل شايى توننى كىيدۈرۈپ قويدى.
ئالىم ئىنىسىنىڭ كەلگىنىدىن سۆيۈنگەن ئارچۇن خېنىم ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ بىرنەچچە كۈن تۇرغۇزدى. بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان كەلگەندىن بېرى، ئۇنىڭ يېنىلىشى بىلەن، بالاساغۇن شەھرىنىڭ ھاكىمى بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئېرى ئەربۇقا پېتېھدىن بېگىيۈسۈپنى ئىسسىقكۆل بويىغا ئېلىپ بېرىپ شىكار قىلدۇرۇپ كەلدى.
— دوستۇم، ئوردۇكەنتكە كېتىشتىن بۇران ماڭا قىلغان نەسىھەتلىرى، بەرگەن مەسلىھەتلىرىڭىز تورتكىسىدە، تۇرمۇشۇمنى يېڭىدىن باشلاپ، مانا بۈگۈنكى ئورۇنغا ئېرىشتىم. ناۋادا سىلى پېقىرنى ئاشۇ چاغدا ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن تارتىۋالمىغان، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىمنى ئويغىتىپ، ئىشەنجىمنى كۈچەيتمىگەن بولسىلىرى ھاياتىم نابۇت بولغان، ئائىلەم بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بولاتتى. ھەمىشە ئۆزلىرىگە غايىبانە تەشەككۈر ئېيتىپ كېلىۋاتاتتىم. تەكرىم تىلىمگە يەتكۈزۈپ، يۈزتۇرا تەشەككۈر ئېيتىشقا مۇيەسسەر بولغىنىمدىن شۇتاپ شۇنچە خۇشال بولۇۋاتىمەن.
— رەھمەت دوستۇم، قېرىندىشىم. كەتكۈچە كېلىپ تۇرىمەن. بۇمۇ مېنىڭ ئۆيۈم، ماڭا رەھمەت ئېيتماي ئاللاھقا شۈكۈر قىلغايلا.
بەگىيۈسۈپ سۆزىدە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە پات - پات كېلىپ تۇردى. ئۇ بالاساغۇندىكى دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى ھېچقاچان بۇ قېتىمقىدەك ھېس قىلمىغانىدى. سەيلە - ساياھەت، شىكار، مېھماندارچىلىقنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئوردىغا بېرىپ بۇغرا قاراخان بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردى. ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، ئەزگۈ تىلەك، ياخشى مەسلىھەتلەر بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ قايىل قىلاتتى.
— بەگىيۈسۈپ قوزئوردىدا قالسىڭىز بولمامدۇ؟ — دەيتتى بۇغرا قاراخان ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندا ئايرىلغۇسى كەلمەي.
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، يانلىرىدا ئورخۇنبەگ، ئالىپ بۆرىبەگ، ئەربۇقا پېشۋادەك قابىل، دانىشمەن ۋەزىر - ۋۇزارالار بارغۇ. پېقىر ھەسەن بۇغراخانغا قايتىپ كېلىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ قويغانىدىم، — دەپ سىلىقلىق بىلەن رەت قىلاتتى بەگىيۈسۈپ.
قىش كىرىپ بالاساغۇن دىيارى ئاق تون كىيدى. ئىسسىقكۆلنىڭ گىردەكلەرىدە ئەينەكتەك پارقىراق، سۈزۈك مۇز قاتتى. يايلاقنىڭ ئوت - چۆپلىرى قار ئاستىدا قالدى. كەڭ دالادا قوي - ئۆچكە پادىلىرىغا تۇيۇقسىز تېگىپ ئۆگىنىپ قالغان بۆرىلەر ئەمدى كېچىدىلا قىشلاقتىكى قوتانلارنى ئوغرلىقچە ياقىلاپ يېمەكلىك ئوغرىلايدىغان بولدى.
بەگىيۈسۈپ كۆكلەم، ياز پەسلىدىكى خوش ھاۋا باغۇبوستاننى قانچە ياخشى كۆرسە، قىش كۈنىدىكى قارلىق دالا مەنزىرىسىگە شۇنچە خۇمار ئىدى. ئۇ دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ، ئوۋ ئوۋلاپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيماي قالدى.
بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان شىكارغا چىققاندا، ئۇ ئاخىرقى قېتىم ھەمراھ بولدى. دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان چۇ دەرياسى بويىدا ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ كېتىۋاتقاندا:
— بەگىيۈسۈپ، قايتىدىغان ۋاقتىڭىز يېقىنلاشتى، — ئاستا گەپ باشلىدى ئۇ يانداپ كېلىپ، — ياشانغان چېغىمدا سىزدىن زادىلا ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ. سىزنى ئوردىدىكى يۇغرۇش، ھاجىپ، بۇگۈ بەگكە، بۇغۇغلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم. بۆرىبەگ، ئورخۇنبەگلەر جەڭ ئىشلىرىدا قەيسەر، چارە تەدبىرلىك بولغان بىلەن، مەمۇرىي، مۈلۈكىي ئىشلاردا پىشمىغانىكەن. مۇناسىۋەت قىلىشتا سىزدەك مادارا قىلىشنى، يول قويۇشنى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن قۇتلۇقبەگ سادىر بولغان مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىشقا ئۇستا. بېرىشكىمۇ، ئېلىشقىمۇ ماھىر. ھەممىنى رازى قىلالايدۇ. شۇڭا، يۇغرۇش بېشى ئورخۇنبەگنى باش سانغۇنلۇققا تەيىنلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇتلۇقبەگنى قويغانىدىم. قولۇمدىن كىرىپ، بورنۇمدىن چىقىپ كەلدى. ئەمما، سىزدەك سەمىمىي، راستچىل ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ لاپ ئۇرۇپ خوشامەت قىلىشلىرىنى ياق تۇرغاندەك قىلساممۇ، راستىنى دېسەم ھەممە ئەربابلار يەمنى ئېلىۋەتكەن تىرناققىزغا تەك قىلمايمەن. مېنى تاشلاپ كەتمەڭ، سىزنى بەك چۆڭ بىلىمەن.
تىزگىننى تارتقان بەگىيۈسۈپ بېشىنى چايقاپ دېدى:
— يوقسۇ — يوقسۇ، قاراخان ئالىيلىرى، ئۇنداق دېمىسىلىرى ماڭا ئازار بەرگەن بولىلا. ھەرقانداق بۇغۇغنىڭ بىلىدىغىنى مۇتلەق ئەمەس، نىسبىي بولىدۇ. يېقىرنىڭ بىلىدىغىنىمۇ ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئەمەس. ئورخۇنبەگ، بۆرىبەگ، ئەرەبۇ پەتەھدىن، ئارسلانبەگ، ئەرباتانبەگلەر پاراسەتلىك دۆلەت ئەربابلىرىدۇر. ھەزرەتلىرىگە سادىقتۇر، ئاۋامغا غەمخاردۇر. مېنىڭ دوستلىرىمدۇر. ئۇلارنى زىنھار كەمسىتمىسە، ئۇلارغا ئىشەنسەلا. گەرچە ئۇلار يەرلىك ھالدا، يېتەرسىزلىك، نۇقساندىن خالىي بولمىسىمۇ، تاپشۇرۇلغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ. قۇتلۇقبەگكە كەلسەك، ئالىيلىرى سىلىدىن سوراپ باقاي، ئۇ خانلىقىمىزغا سادىقمۇ زادى؟ بۇنىڭغا ئىشەنچلىرى كامىلمۇ؟
مەھمۇد ئارسلانخان مەيدىسىگە يېپىلىپ تۇرغان ساقىلىنى
سىپاپ ئېتىنى توختاتتى. بىرئازدىن كېيىن باراقسان ئىككى تۈپ جىگدىنىڭ يېنىدا ئاتتىن چۈشتى. بۇغرا قاراخانغا قاراپ ئاتتىن چۈشكەن بەگىيۈسۈپمۇ ئويلىنىپ جاۋاب بېرىشنى كۈتۈپ ئۈن چىقمىدى. بىر چاغدا كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ بەگىيۈسۈپكە كۆز تىككەن بۇغرا قاراخان:
— بۇ سوئالنى سوراپ مېنى سىناپ باقتىڭىز، بەگىيۈسۈپ. راستىنى دېسەم قۇتلۇقبەگنى ياقاتۇرساممۇ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىم كامىل ئەمەس.
— نېمىشقا ئالىيلىرى؟
— ئۇ كاززاپتەك قىلىدۇ، بەگىيۈسۈپ. ماڭا يامانلىمىغان يۇغرۇش، ھاجىپلاردىن بىرىسمۇ قالمىدى. سىزگە ئايان. يۇغرۇش، ھاجىپلىرىمنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ۋە سىزنىڭ قاتنىشىشىڭىز بىلەن ئوردىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار ئىچىدىن تاللاپ بېكىتكەن ئىدۇق. قۇزئوردىغا كەلگەندىن بېرى ساداقەت بىلەن رولىنى جارى قىلىپ كەلمەكتە. قۇتلۇقبەگ ئۇلارنى ياراتمايدۇ. كۈن قاياقتا بولسا شۇ ياققا باقىدىغان ئاپتاپپەرەستەك، نېمە دېسەم قوللاپ — قۇۋۋەتلەپ گەپ قىلىدۇ.
— مۇنداق دېسىلە. ئۇنى يۇغرۇش بېشى قىلىشقا نېمە سەۋەب بولغان ئالىيلىرى؟ — لېۋىنى چىشلىگەن بەگىيۈسۈپ بۇغرا قاراخاننى كۆزىتىپ تۇردى.
— سىلىق — سىپايە سۆزلىرى، مەدھىيە ئوقۇپ ماختاشلىرى بولمامدۇ.
بەگىيۈسۈپ كۆڭۈل خاتىرىسىگە پۈتۈلگەن تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇدى:
كېرەكتۇر بۇ بەگكە ۋەزىر، بىلىمەن، ۋەزىرى ياخشى بولسا تىنچ ئۇخلايدۇ خان.
ۋەزىردۇر بۇ بەگلەر يۈكىنى يۈدۈگۈچى، خانلىقنىڭ ئۆلىنى مەھكەم ئەتكۈچى ①.
① «قۇتادغۇ بىلىك» 2182 — ، 2183 — بېيىتلەر.
بۇنىڭغا سەرە خىل، تولۇق ئەر كېرەك، كۆڭۈل، ئەقلى كامىل، كۆيۈنسە يۈرەك.
ئۇنىڭ ئەقلى كۆپ بولسا، ئىلمى دېڭىز، پۈتۈن ئىش پۈتكۈزسە، قىزارتسا مېڭىز.
ئېسىل ھەم تەقۋادار ھەم بولسا كۈنى، توغرىلىق بىلەن ئۆتكۈزسە كۈنى.
بۇ ئۇلۇغ ئىش، بۇنىڭغا تاللانغان ئەر كېرەك، راستچىل ۋە خۇلۇقى ئېسىل بولۇشى كېرەك.
ئەقىللىق كېرەك ھەم بىلىملىك كېرەك، سىلىقلىق كېرەك ھەم تېتىكلىك كېرەك.
ئەقىللىق كىشى نەسلى ياخشى ئۇرۇق، ئۆسەر قايدا بولسا، ئۇ قالماس قۇرۇق.① …
بېگىيۈسۈپ ئۆزىلىككە قانداق كىشىنىڭ لايىق كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆڭۈل خاتىرىسىگە يېزىلغان بېيىتلارنى قالدۇرماي ئوقۇپ دېدى: ئالىيلىرى، مەن سىلىگە ئېيتسام، دوست سەپداشلارنىڭ يامان گېپىنى قىلغان ئادەم ئادەم ئەمەس، پىتنىچى پاساتچىدۇر، كاززاپتۇر، چىقىمچىدۇر. بۇنداق ئادەملەر يۇغۇروش بېشى بولۇشقا ئەبەدىي نامۇناسىپ. ئارى، قۇتلۇقبەگ سۆزمەن، گەپ توقۇشقا ئۇستا. ئۇ ساددا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،
① «قۇتادغۇ بىلىك» 2184 ، 2185 ، 2186 ، 2187 ، 2188 ، 2189 بېيىتلەر.
خوشامەتنى قاملاشتۇرۇپ قىلىپ، ئادەمنى ئۆزىگە ئاسانلا ئىشەندۈرەلەيدۇ. مانا شۇنداق ماھارىتى بىلەن ئالىيلىرىغا ياخشى كۆرۈنۈپ، يوغرىش بېشى بولۇۋالغان. مېنىڭچە بولغاندا ئۇنى ئوردىدىمۇ تۇرغۇزماسلىق كېرەك، شاھىم.
— سىز يالغان گەپ قىلمايسىز، بەگيۈسۈپ. مەن ئوقۇغان بېيىتلىرىڭىز، ئېيتقان سۆزلىرىڭىزدىن چۈشەندىمكى، قۇتلۇقبەگنى يوغرىش بېشى قىلىپ خاتالىشىپتىمەن. ئىلگىرى ناھايىتى ھوشيار ئىدىم. ئوردىدا تۇرغان چېغىمدا ھۆكۈمدە كەسكىنلىكىم، جەڭگاھتىكى باھادىرلىقىم بىلەن توغرۇل قاراخان ① دېگەن نامنى ئالغانىدىم. ياشانغانسېرى رەھىمدىل بولۇپ قالدىم. گۇناھكارلارغا جازا ھۆكۈم قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ. كىم مېنى ماختاپ مەدھىيە ئوقۇسا، ئۇنى ئىشەنچلىك ساناپ، ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى قېرىپتىمەن.
بەگيۈسۈپنىڭ ئىككى سېزىم پەيدا بولغان قوشۇمچىسى تۆرەلدى ۋە كۆڭۈل خاتىرىسىدىكى بۇ بېيىتلەرنى ئوقۇدى:
بولاي دېسەڭ ئەلگە ئۇزاق ھۆكۈمران، قانون تۈز، يۈرگۈز، خەلقنى ئاسرا ھامان.
قانون بىلەن ئەل روناق تاپىدۇ، دۇنيا تۈزۈلىدۇ. زۇلۇم بىلەن ئەل خارابلىشىدۇ، دۇنيا بۇزۇلىدۇ.
زالىملار زۇلۇم بىلەن تالاي ئوردىلارنى بۇزدى، ۋە ئاخىر بۇ زالىملار ئاچلىقتىن ئۆلدى. ②
① توغرۇل قاراخان — توغرۇلدەك كۈچلۈك خان دېگەن مەنىدە. توغرۇل بىرخىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ نامى. بۇ قۇش كىچىك ئۆردەكنى باسمىقداپ ئۆلتۈرۈپ، پەقەت مېڭىسىنىلا يەيدىكەن، دېگەن رىۋايەت بار. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 2033-، 2034-، 2035-بېيىتلەر.
تۈزەپ بەگ كۆڭۈلنى يۈرگۈزسە قانۇن، بۇ بەگلىك بۇزۇلماس، تۇرار بەك ئۇزۇن.
ياماندىن ياماندۇر ئەي ساھىبقىران، ئەگەر ئاتىنىپ قالسا يالغانچى دەپ خان ①.
— مەن بۇنداق خان بولمىغان، بولۇشنىمۇ خالىمايمەن! — مەھمۇد ئارسلانخان ئاچچىقلىنىپ تىزگىننى چىڭ تارتىپ سالدى. ئالدىنقى ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چاپچىغان تورۇق ئاتنى تاشلىۋەتكۈدەك قىل قالدى. بەگىيۈسۈپ ئاتنىڭ چۆلۈۋىرىدىن تۇتۇۋالدى: — خاقانىم ئاچچىقلانمىسىلا. سىلى زىنھار يالغانچى خان ئەمەس، ئاق كۆڭۈل خان، جاسارەتلىك خان. ئەمما، گۇناھكارلارغا جازا ھۆكۈم قىلغىلىرى كەلمىسە تەختتە قانداق ئولتۇرالايلا؟ سىلى جازالاشنى خالىمىغان گۇناھكار مەلعۇن پەيتنى كەلتۈرۈپ ئۆزى ئۈچ بولغان ھەققانىيەتچى پادىشاھنى جازاغا تارتىپ، بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدۇ. بۇنى خالىمايدىغاندىلا. — ئەسلا! — مەھمۇد ئارسلانخان ئېتىنى ئاستا ماڭدۇردى، — سىز بەگىيۈسۈپ مۇشۇ تاپ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك تۇرىسىز. بايا قۇتلۇقبەگنى ئوردىدىن ھەيدەش توغرۇلۇق بەرگەن مەسلىھەتىڭىزگە جاۋاب بەرمىسلىكىمدىكى سەۋەب: ئۇنىڭغا ئازار بەگۈم يوق… — خاقانىم، — بەگىيۈسۈپ ئاياپ ئولتۇرماي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، — بىر خوشامەتچى كاززاپقا ئازار بېرىشنى خالىمىسىلا، ئۇ سىلى ئارقىلىق يۈزلىگەن، مىڭلىغان بىگۇناھ ئادەملەرگە ئازار بېرىدۇ. قۇتلۇقبەگ ئەنە شۇنداق كۆزلەرگە كۆلكە، ئىچىگە زەھەر يوشۇرۇنغان ھارامزادە. ئۇنى يۇغۇرۇش باشلىقىتىن قالدۇرمىسىلا، نادامەتلىك پۇشايمانغا قالىدىلا.
① «قۇتادغۇ بىلىك» 2036-، 2037-بېيىتلەر.
— ئۇنى ئوردىدىن قوغلىۋەتسەم، كىمنى ئورنىغا قويىمەن، بەگىيۈسۈپ؟ — ساقىلىنى تولغاپ قارىغان مەھمۇد ئارسلانخان ئېتىنى ئاستىلاتتى.
— بىر بۈگۈ بىلگە بار. ئۇنى قويسىلا ھەم سىلىگە ياخشى مەسلىھەتچى بولالايدۇ ھەم دۆلەت ئىشلىرىنى دادىل بېجىرەلەيدۇ.
— ئۇ زادى كىم؟
— قۇزئوردۇ شەھىرىنىڭ ھاكىمى ئەر بۇقا پېشۋادىن، ئالىيلىرى.
— بىلمەن. ئىلگىرى نائىب ئېلىكخان ئەھمەد چاغرى تېگىنگە يۇغرۇش بېشى بوپتىكەن. مەن ئۇنى قۇزئوردۇ شەھىرىگە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەندىم.
— ئۇ بۈگۈ بىلگە. مەدرىسىلەردە دەرس ئۆتۈپ نام چىقارغان. قەلەممۇ، ئەلەممۇ بار ئەرەبب، — بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى.
— ئۇنىڭ ئاتىسى كىم ئىدى؟
— تۆمۈربۇقا نەسرىدىن سانغۇن.
— ھە، ئېسىمگە كەلدى، — مەھمۇد ئارسلانخان بىردىن روھلىنىپ كەتتى، — بىلمەن. ئۇ مېنىڭ قول ئاستىمدا يۈزبېشى بولۇپ ئودۇن شاھلىرى بىلەن جەڭ قىلغان ھەم ئالىپ بولۇپ داڭ چىقارغانىدى. كېيىن سامانىيلار سۇلتانلىقى بىلەن جەڭ قىلغاندا مىڭبېشى بولۇپ چاغرىبەگ ئۇنۋانىنى ئالغانىدى. ئەھمەد تۇغاندىن ۋاقتىدا بالاساغۇنغا يۆتكىلىپ سۇباشى بوپتىكەن. ئۇ قابىل سەرگەردە ئىدى. رەھمەتلىك ئاكام سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن ئوردۇكەنتكە كېتىپ، شۇ يەردە قازا قىلىپتۇ. شۇنىڭ ئوغلى دەڭ، نەسەبى ياخشى ئىكەن. ئۇنى يۇغرۇش باشلىققا تەيىنلەي. يەنە بىر مەسلىھەت، قۇزئوردۇنىڭ ھاكىملىقىغا كىمنى قويدام بولار؟
— ئەرئاتانبەگنى قويۇسلا، ئالىيلىرى. ئۇ رەئىيەتپەرۋەر ① سەركەردە. — ئۇ خىزمىتىمنى ياخشى قىلغانىدى. ماقۇل، شۇ بولسۇن! — مەھمۇد ئارسلانخان باش لىڭشىتتى. — ئالىيلىرى ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى ماغدۇردىن كەتمەپتۇدەك بولمىدىلا، «توغرۇل قاراخان» دەپ ئاتالغان چاغلاردەك، كەسكىن، غەيرەتلىك بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، — بەگىيۈسۈپ مەزمۇت تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان ھالدا تەزىم بەجا كەلتۈردى. — قېرىدىم، بەگىيۈسۈپ، ئەمدى سىز ئۈمىد قىلغاندەك توغرۇل قاراخان بولالمايمەن. تەختنىمۇ ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بار. — كىمگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بار ئالىيلىرى؟ — ئوغلوم ئۆمەر تېگىنگە. بەگىيۈسۈپ لېۋىنى چىشلىدى. — خاتا ئاڭلىمىغان بولسام، ئۆمەر تېگىن كېسەلمىشقۇ، ئالىيلىرى؟ — راست شۇنداق، بالامنىڭ باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. ئۇ مېنىڭ بىردىنبىر ئوغلوم، ۋارىسىم، چوقۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. رۇم، مىسىرلاردىن كەلگەن ئاتاقلىق تېۋىپلار داۋالاۋاتىدۇ. — شاھزادىگە ئاللا شىپالىق ئاتا قىلسۇن، ئالىيلىرى. قايسى قۇتلۇق ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرغۇزاي دەيلا؟ — ئوغلومنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ھاجىپ. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئاڭغىچە تەختتە ئولتۇرغۇدەك مادارىم بار. «ئالدىراپ تەختتىن چۈشكۈسى يوق» دېدى كۆڭلىدە بەگىيۈسۈپ.
① رەئىيەتپەرۋەر — خەلقپەرۋەر.
بۇ سۆھبەت بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان يارلىق چۈشۈرۈپ قۇتلۇقبەگنى يۇغرۇش باشلىقتىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئەربۇقا پەتەھىددىننى تەيىنلىدى.
كۆڭلى ئارامغا چۈشكەن بەگتۈسۈپ باش ئەتيازدا بالاساغۇندىن ئوزاپ ماڭدى. «قوۋۇقى كاشغەر»دىن چىقىۋاتقىنىدا چاچلىرى ئۆسۈپ پاخپىيىپ كەتكەن، كىيىم - كېچەكلىرى يىرتىق بىر ئادەمنىڭ تام تۈۋىدە بېشىغا توپا سۈرتۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆردى. «بۇ قۇتلۇقبەگقۇ! نىيىتىنىڭ بۇزۇقلۇقىدىن تىلىكىگە يېتەلمەي مەجنۇن بولۇپ قاپتۇ - دە؟ ئەجەب تېز…» دەپ ئويلىغان بەگتۈسۈپ ئادارباينى چاقىرىپ تاپىلىدى:
— ئاغا، بۇ ئادەمنىڭ ھالىدىن ئاللانىڭ رىزائىلىقى ئۈچۈن خەۋەر ئېلىپ قويۇڭ.
— ماقۇل ئىنىم، ئەلۋەتتە خەۋەر ئالىمەن.
بەگتۈسۈپ ئۆزىنى ئۇزىتىپ توققۇز چاقىرىم بىللە ماڭغان ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.
يىگىرمە يەتتىنچى باب: تېنچ ئۆتكەن كۈنلەر
1
بېگىيۈسۈپ نورۇز بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى خەۋەر بەرمەيلا قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. ئوردىغا كىرگەندە، دىۋانخانىدا ئولتۇرۇشقان ۋەزىر، ھاجىپلار ھاڭ - تاڭ قېلىشتى.
- ھاجىبۇل ھۇججاب جانابلىرى، ئۆزلىرىنى قوزغۇردۇدا دەپ سېغىنىپ تۇراتتۇق. ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ، بىزنى ھەيران قالدۇردىلا، كېلىشلىرىدىن ئاقىپلانغان بولساق، ئىستىقباللىرىغا چىقمامتۇق؟ - دېيىشتى سالاملىشىپ ھال - ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن.
- ھەربىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئاۋارە قىلماي دېدىم، جانابلار. سالامەت دىدار كۆرۈشتۈرگەن ئاللاھدىن مىننەتدارمەن. ئىشىكئاغىسى ئۇنىڭ كەلكىنىنى بۇغراخانغا بىلدۈرمەكچى بولۇۋەردى، بېگىيۈسۈپ توسۇپ قويدى.
- ئۆزۈملا كىرەي، ئالىيلىرىنى تەختتىن قوزغىماي، - دەپ بۇغراخان سارىيىغا قەدەم باستى.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىيلىرى، بېۋاقىت كېلىپ، ئاراملىرىنى بۇزۇپ قويمىغاندىمەن؟ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان شۇنداق قاراپ، قول قوشۇشتۇرۇپ تۇرغان بېگىيۈسۈپنى كۆردى. تەختتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشتى.
— مەن تېخى يەتتە چاقىرىم يەرگە ئالدىڭىزغا چىقىپ كۈتۈۋالماقچىدىم. نېمىشقا خەۋەر بەرمىدىڭىز؟ — ئالىيلىرى تۈرلۈك تۈمەن ئىش بىلەن مەشغۇل، ۋاقىتلىرىنى زايه قىلماي دېدىم. — سىز ئۈچۈن ۋاقىت زايه بولسا مەيلى ئەمەسمۇ. خەيرىيەت، يۇرتىدا قېلىپ قالامدىكىن، دەپ ئەنسىرىگەندىم. كېلىپ مېنىلا ئەمەس، پۈتۈن ئوردىكەنت خەلقىنى خۇش قىلدىڭىز. رەھمەت ھاجىبۇل ھۇججاب دوستۇم. — پېقىر يۇرتۇمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ئالىيلىرى. ئەمما، ۋەتەنىمنىڭ قايسى دىيارىغا رىزقىم چېچىلغان بولسا، شۇ يەردە خىزمەت قىلىشنى شەرەپ بىلىمەن. ئوردىكەنتتە كۆزۈمنى ئاچقان ئۇستازلىرىم، بالىلىقلىرىم، يەنە ئالىيلىرىدەك پادىشاھ دوستۇم بار، شۇڭا قايتىپ كەلدىم. — پادىشاھقا ساداقەتتە بىر دوست بىر تۈمەن لەشكەر بىلەن تەڭ، بەگىيۈسۈپ. ئولتۇرۇڭ، ئۇزاق يول يۈرۈپ، چارچاپ كەتكەنسىز؟ — دىدار كۆرۈشۈپ ھاردۇقۇم چىقتى، ئالىيلىرى، — بەگىيۈسۈپ ھاجىبۇل ھۇججاب كۇرسىدا ئولتۇردى. بۇغراخان سورىدى: — تاغام سالامەتتىمىكىن؟ روھىي ھالىتى قانداقراق؟ — سالامەت بولسىمۇ ياشىنىپ قاپتۇ، ئالىيلىرى. راستىنى دېسەم توغرۇل قاراخان بولۇپ ھۆكۈم سۈرگەن چاغلىرىدىكىدەك جاسارىتى قالماپتۇ. — يۇغرۇش، ھاجىپلارنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ — ئوردىكەنتتە تەيىنلەنگەن يۇغرۇش بېشى ئورخونبەگنى سۇبېشى قىلىپ، قۇتلۇقبەگنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويغانىكەن. مەن ئۇنىڭ خۇشامەت قىلىپ بۇغرا قاراخانغا يېقىن بولۇۋالغانلىقىنى سېزىپ، يەنە ئىلگىرىكىدەك خىيانەت، شەھۋانىيلىققا بېرىلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، يۇغرۇش باشلىقىدىن قالدۇرۇۋېتىش
توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرگەندىم. — تاغام قوبۇل قىلدىمۇ؟ — دەسلەپ تازا قايىل بولماي، قايتا - قايتا چۈشەندۈرگىنىمدىن كېيىن قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يۆگەش باشلىقىدىن ئېلىۋەتتى. — ئۇنىڭ ئورنىدا كىم ئولتۇردى؟ — بۈگۈ بەگكە ئەربۇقا پەتھىدىن. — يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ — يىقىرغا ھەم شاگىرت ھەم مۇھاپىزەتچى بولغان سۇلتانبەگ ئاشانبۇقا ئوغلىمۇ قوزغۇردۇدا قالدى. ئاتىسى قېرىپ كەتكەچكە، قەلەممۇ، ئەلەمدىمۇ يېتىشكەن بۇ ئەزىمەتنى ئاتىسىغا تاپشۇردۇم. بوۋاي خۇشال بولۇپ كۆپ دۇئا قىلدى، — دېدى ئۇ قېرىپ مۆكچىيىپ قالغان ئاشانبۇقا كۆز ئالدىغا كېلىپ. — ئۇنىڭغا ئوردىدىن خىزمەت بەرمىدىمۇ؟ — ھېسداشلىق قىلىپ سورىدى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان. — بەردى ئالىيلىرى، بۇغرا قاراخانغا دەبىرى بولدى. — ئارسلانبەگ، ئەرتاتانبەگچۇ؟ — ئارسلانبەگ جاندارلاربېشى بولۇپ ئوردىدا خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېشى بولغان ئەرتاتانبەگنى يىقىرنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن قوزغۇردۇغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلىدى. — تاغام ئۆلۈمھەدى توغرۇلۇق ئويلاشماپتۇمۇ؟ — ئويلاشقاندەك تۇرىدۇ، ئالىيلىرى. — سىزگە دېدىمۇ؟ — مەن سوراپ بىلدىم. — ئۆلۈمھەدى كىم ئىكەن؟ — ئوغلى ئۆمەر تېگىن ئىكەن. — ئۇنى كېسەل دەپ ئاڭلىغىنىم يالغان ئەمەستۇ؟
— يالغان ئەمەس، ئالىيلىرى. باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغىنىغا ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇغرا قاراخان ئوغلى شىپا تاپقاندىن كېيىن، تەختكە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوخشايدۇ. — سىز باشقا گەپ قىلمىغانسىز؟ — ياق ئالىيلىرى. مەھمۇد ئارسلانخان ئوردوكمەنتتىن ئەنسىرەپ تۇرغانىكەن. بىز بارغاندىن كېيىن توققۇز تارتۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ خاتىرجەم بولدى. بايا دېگىنىمدەك ئونىڭ يۇغرۇش، ھاجىبلىرى، سانغۇن — سەرگەردىلىرى بۇغرا قاراخانغا سادىق ئادەملەر ئىكەن. ئاسىيلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى قارا نىيەت — سويقەستچىلەر تېخى سېزىلمەپتۇ. مەنمۇ يوشۇرۇن ئاشكارا كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپمۇ بايقالمىدىم. ئەندىشەمنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچ كۆڭلەرنىڭ باشلانغىنىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم، — بەگىيۈسۈپ سۆزىنى توختاتتى. — سىز كەتكەندىن بۇيان ئوردىدا بەگ تەرەكىسى ئۆتكۈزۈلمىدى. بۈگۈن كېچە بەگ تەرەكىسى ئۆتكۈزۈپ ئەمنلىك ئەلچىسىنى كۈتۈۋالماقچىمەن ھەم بىر پەرمان جاكارلىماقچىمەن. سىزنى ئەزىز مېھمىنىم سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىمەن. بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇردى. — ئالىيلىرى، بەگ تەرەكىسىنى بىر كۈن كېيىنگە سۈرۈشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. رۇخسەت قىلسىلا، ئەمدى ئۆيۈمگە باراي. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان دەرھاللا ماقۇللۇق بىلدۈردى. ئۇ بەگىيۈسۈپنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەنىدى. ئۇنى ئوردا ئالدىغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. بەگىيۈسۈپ سوغۇق — سالاملار يۈكلەنگەن ئات — ھارۋىلار بىلەن بىللە بولاقبېشى مەھەللىسىگە كەلگەندە ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ يەرگە پۇت قويدى. — ئوردوكمەنت قانداق ئىكەن رۇستەمبەگ؟ — سورىدى
بەگىيۈسۈپ ئەتراپىغا قىزىقىپ قاراپ ئاتتىن چۈشكەن ئون ئىككى - ئون ئۈچ ياش چامىسىدىكى ئۆسمۈردىن.
— ئۆز ئىكەن، كىشى قارا. بۇ يەردە نېمىشقا بۇلاق شۇنچە كۆپ؟ — سورىدى ئۆسمۈرمۇ قىزىقسىنىپ.
— كۆرگەنەسەن بالام، بۇ يەر شەھەرنىڭ ئەڭ پەس يېرى. بەلكىم دۇنيانىڭمۇ ئەڭ پەس جايدۇ. يەر ئاستىدا سۇ بار. مانا شۇنداق پەس جايلاردىكى كۆزلەردىن سۇ تېشىپ چىقىدۇ.
— ھە، بىلدىم كىشى قارا! قوزۇردۇدا بۇلاق بۇنداق كۆپ ئەمەس، كۆل كۆپ، — دېدى ئۆسمۈر بۇلاقلارنىڭ بويلىرىدىكى باراقسان بولغان سېرىق، قارا سۆگەتلىرنىڭ مەجنۇنتاللىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ.
— بىزنىڭ قورو ھويلىمىزدىمۇ بۇلاق بار، بالام.
— قورۇدىمۇ بۇلاق بولامدۇ كىشى قارا؟
— بۇ مەھەللە، بۇلاق كۆپ بولغاچقا «بۇلاق بېشى» دەپ ئاتىلىدۇ. سىرتتىلا ئەمەس، بەزى قورۇلار ئىچىدىمۇ بۇلاق بار. بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىسەن، بالام.
— مەن دەريا، كۆلنى ياخشى كۆرىمەن. بۇلاقمۇ كىچىك كۆلگە ئوخشايدىكەن. قوزۇردۇدىكى بىزنىڭ باغدىمۇ چوڭ كۆل بار. مەن سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناشقا ئامراق.
— ئوردىكەنتتىمۇ دەريا، ئۆستەڭلەر بار. ئەتە سېنى دەريا بويىغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇراي، بولامدۇ؟
— بولىدۇ، كىشى قارا. سۇغا بىر چۆمۈلۈۋالاي.
ئۇلار سۆزلىشىپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختاشتى.
ئىككى قاناتلىق ئىشىكنىڭ توچ ھالقىلىرىدا يېتىپ كېتىۋاتقان قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى چاقناپ يارقىرايتتى.
بەگىيۈسۈپ ھالقىنى يېنىك قاقتى. ھايال ئۆتمەي:
— كىم؟ — دېگەن ئىنچىكە - زىل ئاۋاز ئاڭلاندى.
— مەن كەلدىم رازىيە، ئىشىكنى ئاچقىن.
— ھەزرىتىم كەپتۇ! ھەزرىتىم كەپتۇ! — دېگەن يارقىراق
ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئېچىلدى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم! — بەگىيۈسۈپ بوسۇغىدىن قەدەم باستى. — تىنچ — ئامان كەلدىڭىزمۇ ھەزرىتىم؟ ئەجەب بىئارام قاپتۇق. مەن ئاتاساغۇن ئاغىچا خېنىمغا خەۋەر قىلاي، — دەپ مىڭىۋاتقان قىز رازىيە، بەگىيۈسۈپ: — خىزمەتكار، غۇلاملارنى چاقىرىڭ. يۈكلەرنى ھويلىغا ئېلىپ كىرسۇن، — دەپ ئۇنى توختاتتى. — خۇپ ھەزرىتىم! — رازىيە «ھەزرىتىم كەلدى!» دەپ توۋلىغىنىچە ئىچكىرى ھويلىغا يۈگۈردى. بەگىيۈسۈپ رۇستەمبەگكە كۆرسەتكەچ، دالانغا يانداش سېلىنغان ئېغىلغا ئاتلارنى ئەكىرىپ، سوۋۇتۇپ قويۇپ چىقتى. ئۇ بالىسىنى باغرىغا تانغان ھالدا ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىۋاتقان رەپىقىسىنى كۆرۈپ، ۋۇجۇدى بوشىشىپ، يۈرىكى تېپچەكلەپ ئاجايىپ بولۇپ كەتتى. بىر سېنتۇرلۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. — ئەسسالام ئاتىسى، كېلىشلىرىدىن بىئارام قاپتۇق… ئوغلى يېڭى چىققان چۈچۈك تىلى بىلەن «ئاتا» دېدى. مەھبۇبى ۋە سەبىي ئوغلىنىڭ سېھىرلىك ئۈنىنى ئاڭلىغان بەگىيۈسۈپ ئۇلارغا قاراپ ماڭدى. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئانىسى، — ئۇ بالىنى قولىغا ئېلىپ، پېشانىسىگە سۆيدى، — بالام، ئوغلۇم چوڭلا بولۇپ كېتىپسەنغۇ. تىلىڭمۇ چىقىپ قاپتۇ. — ئاتتا، ئات — تا، — دېدى بالا ئۆسۈپ قالغان ساقالغا قول ئۇزارتىپ. بەگىيۈسۈپ مىھرىبانلىقىنى مەيدىسىگە تېگىپ يېنىشلاپ سۆيدى. — سىلىنىڭ گەپلىرىنى تولا قىلغىنىمدىنمۇ بالىنىڭ «ئاتا» دەپ تىلى چىقتى. بەزىدە مېنىمۇ «ئاتا» دەپ توۋلايدۇ. چۈشلىرىگە ئايان بولمىدىمۇ؟
— ئايان بولدى، ئانىسى. ھەر كۈنى چۈشتە سىلەرنى چۈشەپ شۇنداق كۆرگۈم كېلەتتى. كۆرۈشۈپ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەي قېلىۋاتىمەن. ساق تۇردىڭلارمۇ بېكەم؟ ئۇرۇق - تۇغقانلار ئامان - ئېسەنمۇ؟ — دېدى بەگىيۈسۈپ، كۈلكە ئويناشقان كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتقان دىلداربېكەگە تەلمۈرۈپ. — ساق تۇرغان بولساقمۇ، يوللىرىڭغا قاراپ كۆزلىرىم تېشىلىپ كەتتى. — ئاپا! — مىرزائامانبەگ بۇدرۇق قوللىرىنى ئانىسىغا ئۇزارتتى. دىلداربېكە بالىنى ئالدى. — كەل بۆرەم. بەگىيۈسۈپ خىزمەتكار، غۇلام، دېدەكلەر بىلەن بىر - بىرلەپ كۆرۈشتى. يۈك - تاقلار ھويلىغا ئېلىپ كىرىلدى. سوۋغاتلار ھەممىلەرنى زىيادە خۇش قىلىۋەتتى. دىلداربېكە ئېرىنىڭ نۇرغۇن دورىلىق گۈل - گىياھلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن چەكسىز سۆيۈندى. بەگىيۈسۈپ مەھبۇبىنىڭ كەينىدىن ئىچكىرى ھويلىدىكى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان خانىسىغا كىردى. بالىنى كۆرپىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئېرىنىڭ تونىنى سالدۇرۇپ، سەللىسىنى ئالدى. — يۇيۇنۇپ، كىيىم يەڭگۈشلىۋېلىڭ بەگىم، — دېدى ئۇ. — ماقۇل ئانىسى. خىزمەتكارلارغا ئېيتىڭ. يۈك - تاقلارنى ئېلىپ كەلگەن غۇلاملارنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالسۇن. ئۇلار ئىچىدە رۇستەمبەگ ئاتلىق بىر ئۆسمۈر بالا بار. ئاشانبۇقا سۇلتانبەگنىڭ ئورنىغا بۇ نۆۋەتنى ماڭا قوشۇپ قويغان. ئۇ ماڭا شاگىرت. بالىخانا ئۆيدە تۇرسۇن. بەك ئوبدان، چېچەن بالا. — باش ئۈستىگە، ئاتىسى، باش ئۈستىگە. ئەمىرلىرى بەجا
كەلتۈرۈلدى. ئۆزلىرى يۇيۇنۇۋالسلا، ئىسسىق سۇمۇ تەييار.
بېگىيۈسۈپ يۇيۇنۇپ چىققاندا تولۇن ئاينىڭ شولىسى بۇلاققا چۈشكەنىدى. تاماقمۇ تەييار بولغانىدى، ئۇ داستىخان سېلىنغىچە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇۋالدى.
— تازا ھارغانلا ئاتىسى؟ ئەمدى ھۇجرىغا چىقىپ يېتىۋالسلا. ئوغۇللىرىمۇ ئۇخلاپ قالدى، — دېدى دىلداربېكە داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ.
— ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى. بەدەھشەت داۋاندىن ئۆتكۈچە ھاڭغا چۈشۈپ كەتكىلى قىل قالغانىدىم. شۇنى ئويلىسام ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باسىدۇ، ئانىسى.
— نېمە دەۋاتىلا ئاتىسى؟ ئادەمنى ئۇنداق قورقۇتمىسلا. تەڭرىگە: «ئوغلىمنىڭ ئاتىسىنى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىدىن، يولدىكى خەۋپ — خەتەردىن ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن» دەپ ئىلتىجا قىلىپ، كۆز يۇمماي ئۆتكۈزگەن كېچىلىرىم ئاز ئەمەس.
— مانا شۇ دۇئايىڭىزنىڭ خاسىيىتىدىن ئامان قالغان ئوخشايمەن ئانىسى، — بېگىيۈسۈپ ئېسپار — ئەنبەرنىڭ بويى كېلىپ تۇرغان ھۇجرىغا چىقتى. ئۇ راھەتجان يوتقانغا كىرىپ دىلداربېكىنىڭ چاچلىرىنى سىلىدى.
— قانداق ھادىسە يۈز بەرگەنىدى ئاتىسى؟ — دىلداربېكە ئۆرۈلۈپ ئېرىگە باقتى.
— داۋاندىن چۈشۈۋاتقىنىمىزدا، — دەپ سۆز باشلىدى بېگىيۈسۈپ، — تۇيۇقسىز ئات مۆدۈرۈلۈپ كەتتى، شۇنى بىلىمەن. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، بېلىم ئارقان بىلەن باغلانغان ھالدا بىر قورام تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپتىمەن. رەھمەتلىك تۇرسۇنبەگ ئاقساقالنىڭ ئوغلى قابىلبەگ بېلىمدىن قاماللاۋاپتۇ. ئۇ سالما تاشلاپ تۇتۇۋالمىغان بولسا، دومىلاپ چۈشۈپ كېتەرىكەنمەن.
— تېلىمىز بار ئىكەن، ئانىسى. خۇدايىم ساقلاپتۇ، —
كۆزلىرى يەنە ياشقا تولغان دىلداربەكە بەگىيۈسۈپنىڭ ئۇچىسىنى سىلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — تۇرسۇنبەگ ئاقساقال ۋاپات بوپتۇمۇ؟ تولىمۇ جەڭگىلىك، مېھرىبان ئادەم ئىدى. مۇشۇنداق ياخشى ئادەملەر ئۆلمىسە ئىكەن كاشكى، — ئۇ ئېرىنىڭ مۈرىسىگە باش قويدى.
— ئۆتكەن يىل تۈگەپ كېتىپتىكەن. ئۇ مەقسەتكە يەتكەن ئادەم، ئانىسى. توققۇز ئوغلى، يەتتە قىزى بالىلىرى بىلەن داۋان باغرىنى ئاۋات قىلىۋېتىپتۇ. ئۆلۈم قورقۇنچلۇق ھادىسە بولسىمۇ، ئادەمنى بۇ دۇنيانىڭ غەم - غۇسسىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئارام تاپتۇرىدۇ. ھازىر بۇ توغرۇلۇق سۆزلىشىش ئارتۇقچە. كېلىڭ ھاياتقا سۆيگۈ ئىزھار قىلايلى.
بەگىيۈسۈپ كۆكلەم سېلىكىنى تىرىق - تىرىق قىلىپ چىقىۋاتقان دەرىزە پەردىسىنى چۈشۈرۈۋېتىپ كەلگەن مەھبۇبىنى باغرىغا تارتتى…
2
بەگىيۈسۈپ ئەتىسى سەھەردىن باشلاپ نامازدىگەرگىچە، پەتكە كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپ، مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرىي قاتارلىق ئالىم، مۇدەررىسلەرمۇ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھال - مۇڭ بولۇشتى.
— ھاجىبۇل ھۇججاب، مەۋلانا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالىدىڭىزمۇ؟ — تەقەززا سورىدى ھەر ئىككى ئالىم.
— يوقسۇ ھەزرەتلىرىم، ئالالمىدىم. ئىراق، مىسىر، رۇمدىن كەلگەن سودىگەرلەردىن سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇنىڭ بىر جاۋابىغا ئېرىشەلمىدىم. سەمەرقەنت، مەرۋى شاھ جاھان، نىشاپۇر، بۇخارا تەرەپلەردىن كەلگەن كارۋان ئەھلىدىنمۇ سورىدىم. مەھمۇد تېگىن ھەزرەتلىرىنى ئۇچراتقان ئادەم چىقمىدى.
— خەيرىيەت، بىر كۈنى ئۆز - ئارا چىقىپ قالار. ئۇنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ئىمزا قويۇپ يازغان «كىتابۇل جەۋاھىرۇن نەھۋى لۇغاتىت تۈرك» ناملىق كىتابىنى دەرسلىك قىلىپ، ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن تالىپلارغا ئۆتۈۋاتىمىز. بۇ ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ ئەرەبچە ئۆگىنىشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زۆرۈر دەرسلىك بولماقتا. بىز تېخى ئۆزلىرىنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد پۇشتى بولغان مەھمۇد كاشغەرىي توغرۇلۇق خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق. ئەپسۇس، — دېدى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ مەيۈسلىنىپ.
— ئىنشائاللا، ئالىمنىڭ ئۆز - ئارا داۋاملىق قىلىمىز. ئۇنىڭ قەدىرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئوردىكەنتكە چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمىز، ئۇستاز، — بەگىيۈسۈپ مەيۈسلىنىپ قالغان ئالىملارغا ئۈمىد بېغىشلىدى.
— بۇغراخان ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويسىلا، بەگىيۈسۈپ، باغدات، مىسىرلارغا يالۋاچ ئەۋەتىپ قالسا، ئۇلارغا مەھمۇد كاشغەرىينى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىشنى تاپىلاپ قويمىسۇن.
— ئەلۋەتتە، ئۇستاز. ئەبۇ ھەسەن بۇغراخانمۇ بۇ بىر نەۋرە ئىنىسىنىڭ گېپىنى كۆپ قىلىدۇ.
بەگىيۈسۈپ ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى مېھمانلارغا قويۇپ ئۇزاتتى.
ئۇ ئوردىغا بارغاندا پادشاھ تەكشۈرۈشىدە بەگ تەرىپى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن قارشى ئېلىشتى. ھەسەن بۇغراخان ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى.
— ئالىيلىرى، جانابلار، بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان ھەممىلىرىگە ۋە پۈتۈن ئوردىكەنت ئەھلىگە تەشەككۈر ئېيتىپ سالام يوللىدى. بۇغرا قاراخان ياشىنىپ قالسىمۇ تېمەن تۇرۇپتۇ. بىز بۇغرا قاراخانىمىزغا، بۇغراخانىمىزغا ئامانلىق، كۈچ —
قۇۋۋەت، خەلقىمىزگە سائادەت تىلەپ دۇئا قىلايلى، — دېدى ئو بەگ تەركىسى ئاخىرلاشقاندا.
ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى:
— ئامىن!…
— ئەمدى بۇغراخانىمىز يېڭى پەرمان جاكارلايدۇ، — دەپ ئېلان قىلدى بەگىيۈسۈپ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن تەڭ سورۇن ئەھلى قوپۇپ، قول باغلاپ قۇلاق سېلىشتى.
— جانابلار، بۈگۈ بىلگەلەر، قارا نىيەت سۈيقەستچىلەر جازاغا تارتىلغان بىر يىلنىڭ مابەينىدە، پۈتۈن مەملىكىتىمىز تىنچ — ئامان بولۇپ كەلدى. بارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بۇغرا قاراخانىمىز مەھمۇد ئارسلانخاننى ئۆ مېنى ھىمايە قىلماقتا، لېكىن خانلىقىمىز ئابادان، قۇدرەتلىك، بايمۇ ئەلگە ئايلانغىنى، خەلقىمىز نادانلىق، نامراتلىق كۈلپىتىدىن قۇتۇلۇپ — كېسەل قۇتۇلغىنى يوق. بۈگۈ بىلگە بەگىيۈسۈپنىڭ مۇنداق بىر كالامى بار: «نامراتلىق، نادانلىق ھەرقاچان ئاسى، سۈيقەستچىلەرگە ھامىلدار.» ئاسى، سۈيقەستچىلەر كۆز ئاچقان ھامان، قەبىلىلەر ئارا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ ئارنى بۇزۇپلا قالماي، خانلىق ئەربابلىرىنىمۇ خىيانەتچى، ساتقۇن — مۇناپىقلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەڭگە — جېدەل، ئۇرۇش — ماجىرا باشلىنىپ ئەلگە ئاپەت ياغىدۇ. قايسى قەۋم نا ئىتتىپاق بولسا، يۇرت — ۋەتىنى يات قەۋم تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىپ ھۆرلۈك — ئەركىنلىكتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالماسلىق ئۈچۈن ئۇشبۇ پەرماننى جاكارلايمەن!
بىرىنچى، تېخىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان، قىيىنچىلىقتا قالغان شەھەر، ئايماق، قىشلاقلار ئېنىقلاپ چىقىلىپ، ئۇ جايلاردا كۈلپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئون يىلغىچە ھەرقانداق باج — سېلىق، ئالۋاڭ — ياساق
ئېلىنمىسۇن! خانلىق خەزىنىسىدىن ھەربىر نامرات ئائىلىگە ئەللىك سەرلىك كۈمۈش ئىئانە قىلىنسۇن!
ئىككىنچى، ئۇلۇغ خانلىقىمىزغا تەۋە شەھەر، بازار قىشلاقلاردىكى مەدرەسە، مەكتەپلەر بىر ھەسسە كۆپەيتىلسۇن.
ئۈچىنچى، مەدرەسە، مەكتەپ سېلىشقا كېتىدىغان خىراجەت ھەرقايسى جايلاردىكى خانلىقنىڭ خەزىنىلىرىدىن بېرىلسۇن.
تۆتىنچى، كىملىكى مەدرەسە - مەكتەپتە ئوقۇشقا قارشى تۇرىدىكەن، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا بەرمەيدىكەن، بۇغراخاننىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ ئەيىبلىنىپ سازايى قىلىنسۇن.
بەشىنچى، بۇ پەرمان ئېلان قىلىنغان مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنسۇن. ھاجىبۇل ھۇججاب بەگسۈپ جانابلىرى بۇ پەرماننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ.
ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان ئولتۇردى.
— بۇغراخان ئالىيلىرى، خاتىرجەم بولسىلا، پەرمانى ئالىينى بەجاندىل ئىجرا قىلىمىز. ئاستانىدە ۋە خانلىقىمىز مىقياسىدا نامراتلىق، نادانلىققا ئورۇن قالدۇرمايمىز، — دېيىشتى ۋەزىر - ۋۇزۇرلار.
— جانابلار، بۇغراخانىمىزنىڭ بۇ پەرمانى ئەلنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جاكارلانغان ئاقىلانە تەدبىر. بۇ پەرماننى ئىجرا قىلىش — خەلققە، بۇغراخانغا سادىق بولغانلىقتۇر. ئىجرا قىلماسلىق — ئاسىيلىقتۇر. يېقىن بۇ پەرماننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تۈمەن سەر ئالتۇن ئىئانە قىلىمەن.
يەنە گەپ قىلىشنى ھاجەتسىز بىلگەن بەگسۈپ ئۆز شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بەگ تەرەكسى ئۈچۈن بۇغراخانغا رەھمەت ئېيتىپ سۆزىنى تۈگەتتى…
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخاننىڭ بۇ پەرمانى مەملىكەت مىقياسىدا ئۈچ يىلدا ئەمەلگە ئاشتى. تەرەپ - تەرەپتىن ئالىم - ئەدىبلەر، ئەلچى ھۆكۈمالار، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار قەشقەرگە
كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىدى. نادانلىق، نامراتلىق خارابىلىرى ئورنىدا بىلىم - ھېكمەتنىڭ كۆركەم قەسرلىرى قەد كۆتۈردى. ئېچى يىغلانغان خەلق كونا قورۇ - جايلىرىنىمۇ يېڭىلىدى. ئۆيلىرىنىڭ ئالدىنى گۈلزارلىق، كەينىنى باغ قىلدى.
قەشقەر باغبۇستانلىق، ئاۋات، قايناق - تاشقىن شەھەرگە ئايلاندى، كۆركەم، شۆھرەتلىك ئاستانىگە ئايلاندى.
پادىشاھ ئادىل، مەرىپەتپەرۋەر بولسا، خەلقنىڭ تۇرمۇشى رۇناق تاپىدۇ.
قەشقەر دىيارىدا ئوغرى - قاراچىلار تۈگەپ قالمىستىن، ئۆشرە - زاكات ئالىدىغان كەمبەغەل - نامراتلارمۇ تۈگەپ كەتكەنىدى. باي - غەنىلەر زاكات - ئۆشرە ئۈچۈن ئايرىغان پۇل - مېلىنى يول ياساشقا، ئۈستەل، كۆل چېپىشقا، مەدرىسە - مەكتەپ سېلىشقا سەرپ قىلىدىغان بولدى. قەشقەر، ئۇتتۇرا شەرققە «ئوردۇكەنت»، دۇنيادا «كاشغەر» دېگەن نام بىلەن داڭ چىقاردى.
شەرقىي قاراخانىيلار ئېلى مانا شۇنداق گۈللەپ ياشناۋاتقان چاغلاردا، غەربىي قاراخانىيلار ئېلىمۇ، سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقى بىلەن ئىناق ئۆتۈۋاتاتتى. تامغاچ بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېگىن ئوغلى شەمسۇلمۈلۈككە سەلجۇقىيلار سۇلتانى ئالپ ئارسلاننىڭ قىزى ئايسۇلۇنى ئېلىپ بەردى. قىزى مەلىكە تۈركەن خاتۇننى ئالپ ئارسلاننىڭ ئوغلى مەلىك شاھقا ياتلىق قىلدى. ئەمما، بۇ شاد - خۇراملىق بەك ئۇزاققا سوزۇلمىدى. سەلجۇقىيلارنىڭ قارام شىرى غەيراني جاھان شاھلىرىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇشىنى، بويسۇنمايدىغان بىرمۇ پادىشاھنىڭ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ خۇراسان، ھىندى، پارس شاھلىرىنى باش ئەگدۈرگەندىن كېيىن ئىراققا يۈرۈش قىلىپ دۇنيادىكى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان باغداتتىكى شاھىنشاھ خەلىپە قائىم بەئەمرۇللا① نىمۇ
① قائىم بەئەمرۇللا — ئەرەب ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى.
ئۆزىگە بويسۇندۇردى. يۈرىكى قاپتەك يوغىناپ كەتكەن سۇلتان ئالپ ئارسلان بىزانتېيە، مىسىر، تۇنىسلارغىچە چات كېرىپ دۇنيادا چوڭ جاھانگىر پادىشاھ بولۇپ قالدى. بىراق، ئۇنىڭغا بويسۇنمايۋاتقان بىر پادىشاھ بار ئىدى. ئۇ غەربىي قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تامغاچ بۇغراخانى ئىبراھىم بۆرە تېكىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قايچا قۇدا ئىدى. غۇرۇرى كۈچلۈك، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە باش ئېگىشنى خالىمايدىغان بۇ پادىشاھ قۇدۇسى سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ ئۆزىگە «قارانچۇق خانلىق» بولۇپ ئولپان تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى بىر قانچە قېتىم رەت قىلغاندىن كېيىن، جەڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى.
سۇلتان ئالپ ئارسلان ھىجرىيە 460 - يىلى① ئون تۈمەندىن ئارتۇق سىپاھ بىلەن غەربىي قاراخانىيلار ئۆلكىسىدىكى ماۋەرائۇننەھرگە بېسىپ كىردى. ئىبراھىم بۆرە تېكىن لەشكەر باشلاپ چىقىپ ئۇنى توستى. جەڭ ناھايىتى شىددەتلىك بولدى. ئامۇ، سىردەريالىرى قانغا بويلاندى. سۇلتان ئالپ ئارسلان يادىن زەھەر بىلەن سۇغىرىلغان پولات ئۇچلۇق ئوقنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. ئوق ئۇنىڭ كۆكرىكىگە سانجىلىپ قالدى. ئىبراھىم بۆرە تېكىن قاتتىق ئاغرىققا چىداشلىق بېرىپ ئالدىغا كەلگەن دۈشمەن لەشكەرىنى قىلىچ بىلەن چىپپىۋەردى. زەھەر پۈتۈن بەدىنىگە تارقىلىپ ئاخىر ئاتتىن ئۇچۇپ چۈشتى. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادى، سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ نەۋرىسى بولغان غەيۇر پادىشاھ ئارمان بىلەن كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ قەيسەرلىكىدىن تەسىرلەنگەن سۇلتان ئالپ ئارسلان سەمەرقەنت ئەھلىنىڭ ئۇنى تەنتەنە بىلەن دەپنە قىلىشىغا يول قويدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىبراھىم بۆرە تېكىن قازا قىلغان كۈنلەردە، يىراقتىن - يېقىندىكى بۆرىلەر ھۇۋلاپ ياش
① مىلادىيە 1068 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
تۆككەنمىش. بىر ھەپتىگىچە يېمەي - ئىچمەي ھازا تۇتقانمىش…
ئاتىسىنىڭ ئورنىغا غەربىي قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ تامغاچ بۇغراخانى بولغان شەمسۇلمۈلۈك قېينئاتىسى ئالپ ئارسلان بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقىغا بېقىندى.
بۇ خەۋەر قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يەتتە كۈن قۇرئان ئوقۇتتى. بارلىق قەشقەر ئەھلىگە نەزىر بەردى.
بەگىيۈسۈپ ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ قىرىق نەزىرىگە ئۈلگۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن، ئەبۇ ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ سەمەرقەنتكە نەزىردىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يېتىپ باردى. شەمسۇلمۈلۈك ئاتىسى گېپىنى كۆپ قىلىدىغان بۇ ئالىمنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. بەگىيۈسۈپ شۇ كۈنىلا ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ مەقبەرىسىگە چىقتى. بۇ يەردە قىرىق قارى بىلەن باش ۋەزىر تاجدۇلمۈلۈك قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. ئىككى ئەرۋاب قايغۇ ئىچىدە قۇچاقلاشتى. بەگىيۈسۈپ قەبرە بېشىدا ئۈچ كۈن تۇردى. ئۇ ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ قىرىق نەزىرىگە ئىسپىھاندىن كەلگەن مەلىكە تۈركەن خاتۇن، مەلىكشاھ ھەم ئالپ ئارسلاننىڭ باش ۋەزىرى نىزامۇلمۈلۈك② بىلەن كۆرۈشتى. قايغۇغا چۆمگەن سەمەرقەنت ئەھلى بىلەن نەزىرگە داخىل بولدى.
— ئەگەر، — دېدى بەگىيۈسۈپ نەزىردىن كېيىنلا مەلىكشاھ ۋە نىزامۇلمۈلۈكنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوردا تەكىيەخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، — سۇلتان ئالپ ئارسلان غەربىي قاراخانىيلار ئېلىگە يەنە ھۇجۇم قىلىدىكەن، شەرقىي قاراخانىيلار ئېلى يىگىرمە تۈمەن لەشكەر بىلەن تامغاچ بۇغراخان شەمسۇلمۈلۈككە ياردەم بېرىدۇ، پۈتۈن خانلىق خەلقى جەڭگە
② نىزامۇلمۈلۈك — «سىياسەتنامە»نىڭ ئاپتورى، كاتتا ئالىم.
ئاتلاندۇرىدۇ. ئالەم قانغا بويالغان تەقدىردىمۇ، سەلجۇقىيلار مەملىكىتىگە ئەل بولمايدۇ. يەنە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلگىرىدىن ياخشى ئۆتۈشكەن سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىناق - ئىجىل بولماي، ئاللانىڭ ئىراىدىسىگە خىلاپ ھالدا، ئۇرۇش قىلىشىنى ئاتام زىنھار خالىمايدۇ، بۇغراخانلىرىمىزمۇ خالىمايدۇ. ئونداق مۇدهىش كۈننى كۆرگەندىن پېقىرنىڭ ئۆلگىنى خوب. بۆرىلەر بىر - بىرىگە خىرىس قىلماي، بىر - بىرىنىڭ ئېنىنى تارتىۋالماي ياشاۋاتقاندا، قېرىنداش، قوشنا تۇرۇپ، بىر - بىرىمىز بىلەن زېمىن تالىشىپ جاھان ئەھلى ئالدىدا نومۇس ئەمەسمۇ؟ بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، قەدىرلەپ، بىر - بىرىمىزگە يار - يۆلەك بولۇپ ئۆتسەك ھېچقانداق ياۋۇز كۈچ بىزگە چېقىلالمىغان بولاتتى. بۇنى چۈشىنىدىغان پۇرسەت كەلدى، جاناپلار. قېنى نىزامۇلمۈلۈك ھەزرەتلىرى، دەپ باقسىلا، سىلى دۇنيادا تونۇلغان ئالدىن كۆرەر بۈگۈ بىلگە، سىياسەتچى بوغۇغ. پېقىرنىڭ ئېيتقانلىرى خاتامۇ؟
— نېمىشقا خاتا بولسۇن، جاناپلىرى. ئېيتقانلىرى ھەقىقەت. بۇ قۇتلۇق تىلەكلەرنى جاھانگىر ئالىپ ئارسلان ئالىيلىرىغا چوقۇم يەتكۈزىمەن. قېرىنداشلارنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن. خاتىرجەم بولغايلا، — جاۋاب قايتۇردى نىزامۇلمۈلۈك سەمىمىي ھالدا.
— جاھانگىر ئاتام دۇنيانى بويسۇندۇرماقچى، قېرىنداشلىرىنى قىرغىن قىلماقچى ئەمەس، ھاجىبۇل ھۇججاب ئاغا. بۇنىڭدىن كېيىن قاراخانىيلار ئېلىنىڭ بۇغرا قاراخانلىرى بىلەن كېڭىشىپ تۇرىمىز. سىزدەك بۈگۈ بىلگىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى شاھ ئاتام ئەلۋەتتە قوبۇل كۆرىدۇ، — دېدى مەلىكشاھ كۈلۈمسىرەپ.
— رەھمەتپەرۋەر، ئادىل پادىشاھ ئاتامغا شەپقەت قىلىدۇكى، زۇلۇم قىلمايدۇ، قوشنا ئەللەرگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇكى،
تەجاۋۇز قىلمايدۇ. شاھزادە، جاھانگىر شاھ ئالىپ ئارسلان ئالىيلىرىغا سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويسىلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ چىرايلىق ياسالغان بۇرۇتى بىلەن يېڭى قويغان قىرقىما ساقىلى قوشۇلۇپ بۇغداي ئۆڭلۈك چېھرىگە ھەيۋەت بېغىشلىغان مەلىكشاھتىن نەزىرىنى نىزامۇلمۈلۈككە يۆتكەپ، — جانابلىرىنىڭ دانا مەسلىھەتى — ئىككى خانلىققا ئامانلىق بېخىش ئەتكۈسى. بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈمىدۋارمەن.
— پېقىرنىڭ ئارزۇسى — جاھان ئەللىرىنىڭ بىر — بىرىگە خىرىس قىلماي، بىر — بىرىگە يار — يۆلەك بولغان ھالدا گۈللىنىشىنى كۆرۈشتۇر، — نىزامۇلمۈلۈك تەۋەززۇ بىلەن بېشىنى ئەگدى.
بۇ سۆھبەتتىن مەمنۇن بولغان بەگىيۈسۈپ سەمەرقەنتتە ئۇزاق تۇرماي قەشقەرگە يېنىپ كەلدى.
3
يۈز ياشتىن ھالقىغان مەلىكە ئادىرا تۈركنىڭ خاتۇننىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىكەنت ئەھلىنى مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆمدۈردى. ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان، بەگىيۈسۈپ، شەيخۇلىسلام قاتارلىق پادشاھ ۋە ئوردا ئەربابلىرى، ئىخلاسمەن بىلىم ئەھلى، ئاز بولمىغان ھۈنەرۋەن — كاسىپلار، تىجارەتچى زەردارلار بىلەن بىللە كېچىلەپ يۈرۈپ، يېڭىسار ئوردامدا ئۇنىڭ نامىزىغا داخل بولۇشتى. قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى مۇقەددەس جاي — ئوردام تەرەپ — تەرەپتىن كەلگەن ئىخلاسمەن جامائەتنىڭ يىغا — زارىدىن لەرزىگە كەلدى. مەلىكە ئانا سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. بىر يىل ئۆتمەي بەگتاش جالالىددىننىڭ زىققە كېسىلى كۆچۈپ تۈگەپ كەتتى. نۇرغۇن جامائەت بىلەن تۇپراق بېشىغا چىققان بەگىيۈسۈپ قەدىردان بۇرادىرىنى لەھەتكە
قويغاندىن كېيىن جامائەت بىلەن قايتماي، قەبرىستانلىقتا ئۆزى قالدى. يان - يېنىدا زومچاق - زومچاق قەبرىلەر چوقچىيىپ تۇراتتى. سۈكۈتلۈك ئەتراپ مۇڭغا تولغانىدى. ئۇ قەبرىلەرگە خىيالچان نەزەر تاشلاپ تۇرغاندا، كۆڭۈل سەھىپىسىگە بۇ ھەسرەتلىك مىسرالار يېزىلىپ قالدى:
قارا چاچنىڭ ئېقى — ئۆلۈم بەلگىسى، تىرىككە ھاياتنى ئەزىز قىلغۇسى.
يېدىڭ قانچە نېمەت، تېتىدىڭ ھايات، غاپىل بولما، سېنى ئۆلۈم يېگۈسى ①.
بەگىيۈسۈپنىڭ ياشقا تولغان چاناقلىرىدىن ئاققان تامچىلار مەڭزىدىن سىيرىلىپ لەھەت ئۈستىگە چۈشتى. ئۇ ئاھ چىكىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئۈنلۈك ئوقۇدى:
ئۆلۈمگە پايدا قىلسا ئىدى ئوت — غەم، قالاتتى تېپىپلار تىرىك مەڭگۈ ھەم.
ئۆلۈم يۈز — خاتىر قىلمىدى كۆرۈپ، مۇبارەك رەسۇللۇلا كەتكەنيەتتى ئۆلۈپ.
تۇغۇلغان تىرىكلەر ئۆلۈر، بىل بۇنى، ئۆلۈشكە تۇغۇلغان، تىرىك كىم قېنى؟
بۇ دۇنيا قونالغۇ، كېلىپچى بارار يۇغان ئەجدىھادەك يەپ، ئېچىقار ②.
بەگىيۈسۈپ قويۇن يانچۇقىدىن ياغلىقنى ئېلىپ كۆزلىرىگە
① «قۇتادغۇ بىلىك» 1105 - ، 1106 - بېيىتلەر. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 1199 - ، 1200 - ، 1201 - ، 1202 - بېيىتلەر.
باستى. بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ياغلىقىنى قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ، يەنە قەبرىلەرگە باقتى:
قېنى ئۇ بۇ دۇنيا تىلەپ تاپقۇچى، ئۆزىگە تۆمۈر تۇر، شەھەر قۇرغۇچى①؟
قېنى ئۇ گۇستاخ ئۆت②، دۇنيا دەپ يۈرۈپ، يېشىل كۆككە ئۇچقان قارا قۇش مىنىپ؟
قېنى ئۇ خۇدامەن دېگۈچى جاھىل③؟ خۇدا قىلدى دەرياغا غەرق، ئۇنى بىل.
بۇ دۇنيا مېلىنى يىققۇچى قېنى④؟ مېلى بىلەن كەتتى يۇتۇپ يەر ئۇنى.
قېنى شەرقتىن غەربكە قەدەر بارغۇچى؟ بۇ دۇنيانى كېزىپ جاھان تۇتقۇچى⑤.
قېنى ئۇ تاياقى يىلان بولغۇچى، دېڭىز يېرىلىپ ئۇنىڭغا يول بەرگۈچى⑥؟
قېنى ئۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەن كىشى. ئۆلۈمگە تۇتۇق بولدى ئاخىر ئىشى⑦.
① شەددات. ② نەمرۇت. ③ پىرئەۋن. ④ قارۇن. ⑤ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن. ⑥ مۇسا ئەلەيھىسسالام. ⑦ «قۇتادغۇ بىلىك» 4710-، 4711-، 4712-، 4713-، 4714-، 4715-، 4717-بېيىتلەر.
قېنى ئۇ كىشىلەر ئارا خىل، ئۇلۇغ①؟ بوشاپ قالدى دۇنيا كېمىپ تولۇقلۇق.
ئېلىپ كەتتى ئۆلۈم شۇ ھەممىسنى، ئەي پاكىز قەلب، ئۇ قويامدۇ سېنى؟②
بېگىيۇسۇپ جاھان تارىخىدىكى بۇ قىممەتلىك ئۆگۈتلەرنى ئەسلەپ كۆڭۈل سەھىپىسىگە مىسرا قىلىپ تىزدى ۋە بۇنىڭدىن تەسەللى تاپتى. كۆز ئالدى يورۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردى: «ئۆزۈڭ بەرگەن ئامانەت جاننى ئۆزۈڭ ئالغۇسەن تەڭرىم. بۇ ئەزىز ئامانەتنى كۆپنىڭ قاتارىدا پاك - ساپ ھالدا ھىممەت بىلەن تاپشۇرۇشۇمغا نېسىپ قىلغىن، ئامىن!» ئۇ بەگتاش جالالىددىن قويۇلغان لەھەتنى قولى بىلەن سىيپاپ: «ئەلۋىدا، ئاغا، بۇرادىرىم، قورقماي تىنچ ياتسىڭىز. يېقىنمۇ كېيىنلەردىن بارىمەن. پەرۋەردىگار ئالەم جەننەتتە كۆرۈشكۈلۈك نېسىپ قىلسۇن» دېدى خوش غېيتىپ. ئۇ قەبرىستانلىقتىن يېنىپ كىرگەندە، مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە پەقەت ئۇقۇغان جامائەت ئۇزاپ، ئۇنىڭ يارۇبۇرادەرلىرى، ئازىدار ئۇرۇق - تۇغقانلار، يېقىن قوشنىلار قالغانىدى… تۇغۇلغانىكەن، ئۆلمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. شاھمۇ، پۇقرامۇ، بايمۇ، گادايمۇ، ئالىممۇ، نادانمۇ، ئادىلمۇ، زالىممۇ ئۆلىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر كۆز يۇمۇپ، يەنە نۇرغۇن ئادەم كۆز ئاچقان قاراخانىيلار ئېلىدە ھايات داۋام قىلماقتا ئىدى. سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقى خېلى يىللارغىچە غەربىي قاراخانىيلار زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرمىدى. كارۋانلار بۇ ئىككى خانلىق ئوتتۇرىسىدا ئۆزۈلمەي قاتناپ تۇردى. يىللار مانا شۇنداق ئاسايىشلىق بىلەن ئۆتۈۋاتقان چاغدا،
① مۇھەممەد پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 4718 -، 4719 - بېيىتلەر.
بالاساغوندىن كەلگەن چاپارمان بۇغراخان جەمەتىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. — سۇلتانبەگ ئىكەنغۇ؟ — دېدى بەگىيۈسۈپ ئۇ سۇنغان مەكتۇپنى ئېلىپ، — نېمە ۋەجىدىن چاپارمان بولۇپ كېلىپ قالدىڭ؟ — كىشى قارا، بۇغرا قاراخاننىڭ كېسىلى بولۇپ يېتىپ قالغىنىغا ئۈچ ئاي بولغانىدى. ئۇ تۇيۇقسىز مېنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ: «بۇ مەكتۇپنى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئوردۇكەنتكە ئېلىپ بېرىپ، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا تاپشۇرۇپ، جاۋابىنى تېز ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى. چاپارمان بولۇپ كېلىشىمدىكى سەۋەب شۇ. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھەسەن بۇغراخان دەرھال مەكتۇپنى ئېچىپ ئاۋۋال ئىچىدە، ئاندىن ئاۋازىنى چىقىرىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. ئوردۇكەنت بۇغراخانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا: يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، مەن ئاغرىپ قالدىم. ئاتاساغۇنلار داۋالاۋاتىدۇ، ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن. ئۈمىدىم ئوردۇكەنتكە كېتىپ، ئاتا — بوۋامنىڭ ئايلىقىدا يېتىش. مۇبادا بۇ يەردە ئەجەل شارابىنى ئىچىپ قالسام، ۋەلىئەھدى بولغان ئوغلۇم ئۆمەر تېگىن ئارسلانخان ئۇنۋانى بىلەن تاجبەختىمگە ۋارىسلىق قىلسۇن. سىلى باشقا دىيار، ئايماقلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئوغلۇمغا ئالدى بىلەن بەيئەت قىلغايلا. ناۋادا، كېسىلىم ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە، ئاتا — بوۋىلىرىمنىڭ ئايلىقىدىن ئورۇن ئېلىش ئارزۇيۇمغا يەتكۈزگەيلا. ۋاللاھۇ ئەئلەم بىسساۋاپ. قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ خاقانى بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخان».
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان مەكتۇپنى ئوقۇپ بولۇپ ئويغا
چۆمۈپ ئۆلتۈرۈپ كەتتى. — ئالىيلىرى، كۆپ غەم قىلمىسىلا. بىر مۈشكۈللۈك ئالدىدا بىر ئاسانلىق جەزمەن بار. قېرىپ قالغان شاھىنشاھ تاغىلىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، ئەلدىن كۆرە ئوغلىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ مەكتۇپ ماڭا شۇنداق تەئەسسۇرات بەردى، — دېدى بەگىيۈسۈپ كۆڭلىگە كەلگەننى يوشۇرماي ئېيتىپ. — مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، تاغامنىڭ كېسىلى ئەھۋال ئانچە ئېغىر ئەمەستەك قىلىدۇ. قېرىپ قالغاچقا ئۆزىدىن ئەنسىرىگەن گەپ. بەلكىم ساقىيىپ قالار. ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئادا قىلىدىغانلىقىم توغرىسىدا جاۋاب مەكتۇپ يازايمىكىن دەيمەن، — ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان بەگىيۈسۈپنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز قارارىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇلۇشىغا ئېرىشمەكچى بولدى. بىراق، بەگىيۈسۈپ كېسكىن ھالدا مۇنداق دېدى: — شاھىم، بۇ مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرراق چۈشەنگەندە، ۋەسىيەت ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇغرا قاراخان ئاتا — بوۋىسىنىڭ قېشىدا يېتىشنى، ئۆزىدىن كېيىن ئوغلى ئۆمەر تېكىننىڭ بۇغرا قاراخان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇنى ئوبدان ئويلىشىپ ئاندىن جاۋاب مەكتۇپ يازماق كېرەك، — بەگىيۈسۈپ سەل توختىۋېلىپ، سۇلتانبەگكە تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرغان دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — بۇغرا قاراخان بولىدىغان كىشى ئالدى بىلەن ساغلام، تېندورۇس بولۇشى لازىم. ئەمما، ئۆمەر تېكىن كېسەلەمەن، تەلۋە مىجەز ئادەم ئىكەن. بۇنداق ئادەمنىڭ بۇغرا قاراخان بولۇشىغا قوشۇلسىلا توغرا بولارمۇ؟ — جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يوسۇننى بۇزۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ھەر قانداق مەسلىھەتنى قوبۇل قىلساممۇ، بۇ مەسلىھەتىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن
ئارسلانخان يانغا قارىۋالدى. — ئونداق بولسا ئاقىۋەت خەيرلىك بولسۇن! قايتاي ئالىيلىرى، ئىجازەت بېرىلسە، — دېدى بۇغراخاننى قىستاپ تەھلىكىتە قالدۇرۇشنى خالىمىغان بەگىيۈسۈپ. — ئىجازەت.
4
بەگىيۈسۈپ سۇلتانبەگ، رۇستەمبەگلەر بىلەن ئۆيىگە كەلگەندە، ياز قۇياشىنىڭ شولىسى ئايبۇلاقتىن تېخى كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەنىدى. — كىشى قارا، ئۇسسۇزلۇقۇم ئەمدى قاندى. بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى نېمىدېگەن تاتلىق — ھە! يۈرەكلىرىم ياشناپ كەتتى، — دېدى زوق ئولتۇرۇپ چاڭگاللاپ سۇ ئىچكەن سۇلتانبەگ، — بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى شۇنچە ئىچكۈم كەلگەنىدى. — قوزئوردىدىكى كۆل سۈيىدىنمۇ تاتلىقمىكەن بالام؟ — تاتلىق ئىكەن، كىشى قارا، تاتلىق ئىكەن. مەشەدە بىردەم ئولتۇرۇۋالاي، — سۇلتانبەگ مەجنۇنتاللار سايىسىدا بۇلاققا قاراپ ئولتۇردى. ئاتلارنى ئېغىلغا ئەكىرىپ قويۇپ، ئاكىسى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى پېشايۋانغا قويغان رۇستەمبەگ: — مەشەدە ئولتۇرامدۇق كىشى قارا؟ مەن كۆرپە ئېلىپ چىقاي، — دەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. — ئوكمام بۇ يەرگە ئوبدانلا كۆنۈپ قاپتۇ، كىشى قارا. ئوردىدا كۆرۈشكەندە، سىلىنى، دىلدار ئاغىچا ئاباكەمنى ماختاپ ئاغزى — ئاغزىغا تەگمەي كەتتى. ئەرەبچە ئۆگىنىۋاتقىنى راستمۇ؟ تېخى قارا بويۇن يورغام بار دەيدۇ ئۇ. — راست بالام. زېھنى ئۆتكۈر ئىكەن. ئەتەنگەن — ئاخچامدا ئەرەبچە تىلنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئەدەبىيات، تارىختىنمۇ دەرس
ئۆتۈۋاتىمەن. مۇشۇ كۈزدە ساچىيە مەدرىسىگە ئوقۇشقا بېرىمەن.
كۆرىپىنى كۆتۈرۈپ چىققان رۇستەمبەگ ئىككىلىسىنىڭ ئاستىغا سېلىپ، قوللىرىغا سۇ بەردى.
— ئاكا، ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىڭنى قويامسەن؟ — دېدى ئۇ سۆپىدىكى گىلەم خۇرجۇنغا قاراپ قويۇپ.
— بولدى بالام، تاماقتىن كېيىن قويسىمۇ بولىدۇ.
ئورنىدىن تۇرغان سۇلتانبەگ بەگىيۈسۈپنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، يۇغان گىلەم خۇرجۇننى كۆتۈرۈپ كەلدى.
— بۇ ئاتامنىڭ سوۋغىسى، — ئۇ سەمەرقەنتنىڭ يوللۇق شايىسىدىن چىرايلىق تىكىلگەن يەكتەكنى، پاتلىق قەغەزگە ئورالغان بىر بولاق چاينى ئالدى، — ئاتام: بۈگۈن بەگلىكى تىللا — ئالتۇنى، كىمخاب، دۇردۇنى كۆپ. ئاددىي بولسىمۇ، كىيدۈرۈپ قويغىن. ئۈسۈسغان چىغىدا دەملەپ بەرسىن، دەپ دۇئا قىلىپ قالدى. قېنى كېيىپ باقسىلا، كىشى قارا. ئاتام ئۆز قولى بىلەن كىيدۈرۈپ قويغىن، دېگەنىدى.
بەگ يۈسۈپ يىپەك بەقەسەم تونىنى سېلىۋېتىپ، يەكتەكنى كىيدى. ئۆلچەپ تىككەندەك ئوبدان كەلدى.
— ئاتام بونى ئابامغا تىكتۈرگەنىدى. مۇبارەك بولسۇن، بەك ياراشتى. بۇ چاينىمۇ ئاتام ئۆزى تەييارلىغان. ئۈسسۈزلۈقنى بېسىپ ھاردۇق چىقىرىدۇ. روھىنى كۆتۈرۈپ، خۇشخۇي قىلىدۇ، بەگىيۈسۈپ ئۆزى ئىچسۇن، دەپ تاپشۇرغانىدى، كىشى قارا.
— رەھمەت بالام، رەھمەت. خۇدا ئاشان بوۋامنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت بەرسۇن. بۇ يەكتەك يىپەك، سالقىن ئىكەن. ئۇچام راھەتلىنىپ قالدى. دەبىرى بولۇپ جاپا تارتىپ قالمىغانسەن؟
— جاپا تارتىمدىم، كىشى قارا، ئەمما بۇغرا قاراخان قاچان مەكتۇپ يازغۇزاركىن، قاچان مەلۇماتنامە، خەتلەرنى ئوقۇتاركىن؟ دەپ كۈتۈپ، قول باغلاپ تۇرۇپ، كېچىسى ئۇخلىماي ئورما ئورۇغاندىن بەتتەر ھېرىپ كەتكەن چاغلارمۇ يوق ئەمەس.
جاندىن جاق تويۇپ كەتكەن كۆنلەرمۇ بار تېخى. شۇنداق بولسىمۇ كۆنۈپ قالدىم. بۇغرا قاراخانمۇ مەندىن رازى بولۇپ خىلئەت تەقدىم قىلدى. ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى سورايىدىغان بولدى، دېدى سۇلتانبەگ مەغرۇرلانغان قىياپەتتە.
ئىشنىڭ ئۆھدىدىن كەلگىنى شۇ، بالام. دۇنيادا ئىشنىڭ ئاسانى يوق. مۆلچەرلىمەي، ھەرىكەت قىلماي بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. جاپادىن كېيىن راھەت بار. پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلماق چىقىر تىكەن ئۈستىدە ماڭماقتىنمۇ قىيىنراق. ئىرادىلىك، جۈرئەتلىك ئادەملا ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. بېلى بوش، پاراسەتسىز، ئالدىراڭغۇ ئادەملەر ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. سەندىن خاتىرجەم بولدۇم. شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، ھەممە نەرسىنى يوقىتىپ قويساڭمۇ ۋىجدان غۇرۇرۇڭنى يوقىتىپ قويما. ۋىجدان، غۇرۇرۇڭنى يوقىتىپ قويمىساڭلا ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلەيسەن. سويىقەستچى قارا نىيەتلەر ھەر مەھەل پادىشاھقا سادىق كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئادالەتكە، ھەققانىيەتكە سادىق بولالمىساڭلا يامان ئادەملەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىسەن. مەرتىۋەم ئۆستى دەپ مەغرۇرلىنىپمۇ كەتمىگىن. مەغرۇرلۇق ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ. كەلگىنىڭدىن خوشال بولدۇم. ئۇكاڭ بىلەن بىللە تۇرغىن.
باش ئۈستىگە، كىشى قارا. دېگەنلىرىنى ئېسىمدە تۇتىمەن.
ئاكام كەلمىدى كەتكەمدۇ؟ رۇستەمبەگ بەگىيۈسۈپكە ئۆتۈنۈش نەزىرى بىلەن قارىدى.
كېتىدۇ، بالام. كەتكۈچە سەن بىلەن تۇرىدۇ.
ماڭا بىر نەرسىمۇ ئېلىپ كەلمىگەن ئوخشايدۇ، دېدى رۇستەمبەگ گۆدەكلەرچە قېيىداپ، بوۋام، ئاتام، ئابام مېنى ئۇنتۇپ قالغان چىغى.
ساڭا ئەكەلگىنىم ھەممىدىن كۆپ ئۇكام، قارا بۇنىڭغا،
سۇلتانبەگ قىل قامچىنى خۇرجۇندىن ئېلىپ، ئايلاندۇرۇپ قاس چىقاردى. — ماڭا قامچى ئېلىپ كەپتۇ! ماڭا قامچى ئېلىپ كەپتۇ! — دەپ سەكرەپ كەتتى رۇستەمبەگ. — يەنە ماۋۇلارمۇ بار، — سۇلتانبەگ شىم — پېشمەت، كۆڭلەك — بويۇندۇق، ئوتۇكلەرنى خۇرجۇندىن چىقاردى. مۈڭگۈز ساپلىق بىر خەنجەرنىمۇ كۈمۈش كەمەر بىلەن ئالدى. — بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئەكەلدىڭما؟ — ھەئە، ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟ — ياق، جىق ئىكەن. بەك خۇشال بولدۇم، ئاكا، — رۇستەمبەگ چىرايلىق كەمەرنى بېلىگە باغلاپ خەنجەرنى ئېسىۋالدى. قولىغا قامچىنى ئېلىپ شىلتپ قاس چىقاردى، — ئەمدى مېنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ. قارا بويۇن يورغاممۇ قامچىنى قايسى تەرەپكە شىلتسام شۇ تەرەپكە ماڭىدىغان بولىدۇ. ھەي — ھەي… — جىم ئولتۇر ئۆكام. كىشى قارا بىلەن سۆزلەشكىلى قوي. بەگىيۈسۈپ ئاكا — ئۆكىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ ئولتۇراتتى. رۇستەمبەگ دىلداربىكە، بۇۋىئايىشە ۋە بالىلارغا ئەۋەتىلگەن سوۋغاتلارنى خۇرجۇندىن چىقارمايلا كۆتۈرۈپ ئىچكىرى ھويلىغا كىرىپ كەتتى. — ئۆكاڭ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتتى، سۇلتانبەگ. سەن كەتكۈچە ئۇنى ئوپال، ئارتۇچقا تاپشۇرۇپ كەلگەن. — خودا خالىسا، كىشى قارا. — بۇغرا قاراخانغا يۇغرۇش بېشى بولغان قۇتلۇقبەگنى تونۇيسەن — ھە ؟ — بەگىيۈسۈپ ئۇنى كۆرگەندىلا كۆڭلىگە چۈشكەن سوئالنى سورىدى. سۇلتانبەگ بۇلاققا چۈشكەن شولىسىغا قاراپ دېدى: — تونۇيدىغاندەك قىلىمەن. تازا ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ.
— ئوبدان ئويلىنىپ باق. ئوردوكەنتكە مېڭىشتىن ئاۋۋال سېنى بۇغرا قاراخان ئالدىغا باشلاپ كىرگەندىم، شۇ چاغدا بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتقان خۇشخۇي، كېلىشكەن ئادەمنى يادىڭغا ئالالمىدىڭمۇ؟ سۇلتانبەگ بىردەم ئويلىنىۋېلىپ: — ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. مېنى قوزئوردودا خاقان خىزمىتىدە قالدۇرۇپ، ئوردوكەنتكە ماڭماقچى بولغانلىرىدا يۇغرۇش باشلىقتىن قالدۇرۇلغان ئادەممۇ؟ ئەجەب ئۇنى سوراپ قالدىلىغۇ كىشى قارا؟ — ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلگۈم كېلىپ قالدى. ئۇنى كېيىن كۆردۈڭمۇ؟ — كۆردۈم. ئوردىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەقلىدىن ئېزىپ قاپتىكەن. كوچىدا لاغايلاپ يۈرگىنىنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەندىم. بالىلىرىمۇ قارىمىغان ئوخشايدۇ. — ئوردوكەنتكە كېلىشنىڭ ئالدىدا كۆرمىدىڭمۇ؟ — خوشلىشىش ئۈچۈن تىللا سارىيىغا بېرىپ ئادارباى ئاكام بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنى شۇ يەردە كۆردۈم. — ھە! ئۇ تىللا سارىيىدا نېمە ئىش قىلىدىكەن؟ — دەرۋازىۋەنلىك قىلىدىكەن. ئادارباى ئاكامنىڭ دەپ بېرىشىچە، قۇتلۇقبەگنى كوچىدىن ئۆيىگە ئېلىپ كېپتۇ. ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، داۋالىتىپ ساقايتىپتۇ. ئاندىن تىللا سارىيىغا دەرۋازىۋەن قىلىپ قويۇپتۇ. — مۇنداق دېگىن، بالام. مەن تېخى ئۇنى ئۆلۈپ كەتكەندۇ دەپتىمەن. ناھايىتى خوش چاقچاق، گەپدان ئادەم ئىدى. — ھازىر جىمغۇر بولۇپ قاپتۇ. بۇرۇنقى كۈلگۈسىدىن ئەسەر قالماپتۇ. ئۇنىڭغا ئىچىلىرى ئاغرىۋاتامدۇ كىشى قارا؟ — ئۇ ئىچ ئاغرىتىدىغان ئادەم ئەمەس، بالام. لېكىن، بىر ئادەمنىڭ يۈز — ئابرۇيى تېپىپ نام قازىنىشى خوشاللىنارلىق قىسمەت بولسا، كاتتا مەرتىۋىلىك ئادەمنىڭ يۈزى تۆكۈلۈپ
ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ئىبرەتلىك تەقدىر. بۇ ئادەمنى ئالاھىدە سورىشىم ئۇنىڭ ئىبرەتلىك تەقدىرىدىن ساۋاق ئېلىشىڭ ئۈچۈندۇر، بالام. — چۈشەندىم، كىشى قارا. نىيىتى ئالا ئادەم ياخشى كۈن كۆرمەيدىكەن. — شۇنداق، ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ، بالىلىق بولغانسەن بالام؟ — ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كېلىنىڭچەكلەرى بىر ئوغۇل، بىر قىز قوشكېزەك تۇغۇپ بەردى. ھازىر تۆت ياشتىن ئاشتى. ئاتام ئۇ نەۋرىلىرىگە بەك ئامراق. رۇستەمبەگ تاماق ئېلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى. شۇ چاغدا مەدرىسىدىن قايتىپ كەلگەن مىرزامانبەگ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا سالام بەردى. — تونۇدۇڭمۇ سۇلتانبەگ؟ — مىرزامانبەگ ئوخشىمامدۇ؟ چوپچۇق بولۇپ كېتىپتۇ، تونۇدۇم. ھەزرەتلىرىنىڭ بالىسىنى تونۇمىسام قانداق بولىدۇ، كىشى قارا؟ — ئۇ مىرزامانبەگ بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. شۇ كۈندىن باشلاپ سۇلتانبەگ بۇ قورۇدا تۇردى. ئۇ ئىنىسى بىلەن ئاتۇش، ئوپالغا بېرىپ كەلدى. تۈمەن، قىزىل دەريا بويلىرىدا شىكار قىلدى. ساچىيە، خانلىق مەدرىسىلىرىگە بېرىپ ئالىملارنىڭ سۆھبىتىگە داخىل بولۇشتى، بازار ئارىلىشىتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخاننىڭ قايتا — قايتا ئۆيلىنىشى نەتىجىسىدە بەگىيۈسۈپنى يەنە بالاساغۇنغا ئەۋەتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان سۇلتانبەگ: — ئوردۇكەنتتە، جۈملىدىن ھەزرەتلىرىنىڭ يېنىدا ئۇزاق تۇرغۇم بار ئىدى. ئۆزلىرى بىلەن قايتىدىغان بولغىنىم ئاللانىڭ ھېكمىتىدىندۇر، كىشى قارا. ئاتام دىدارلىرىنى كۆرىدىغان بولدى. ئۇكاممۇ بىللە بارىدىغاندۇ؟ — دېدى خۇشال بولۇپ. — بىللە بارىدۇ. ئۇنى بۇۋىسىغا كۆرسىتىپ دۇئاسىنى ئالماقچىمەن.
دىلداربەكە بۇ قېتىم ئۇنى توسۇمىدى.
— بېرىپ كەلسىلە، ئاتىسى. بۇغرا قاراخاننىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان بولسا قايتۇرۇپ كەلسىلە. بۇ خانلىقىمىزنىڭ تىنچ — ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ. سىلى بارمىسلا خاقانىمىزنىڭ مېيىتى قوزغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تۇنچۇق تومۇزدا بەگىيۈسۈپ يەنە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇ بالاساغۇنغا يېتىپ بارغاندا بۇغرا قاراخان مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغانىدى. تېۋىپ، ھۆكۈمالار ئۇنىڭ باش — ئايىغىدا پايپېتەك بولۇپ كېتىشكەنىدى.
بەگىيۈسۈپ ئۆزىنىڭ كەلگىنىنى مەلۇم قىلغاندا، مەھمۇد ئارسلانخان كۆزىنى ئاستا ئاچتى. تاتىراڭغۇ چىرايىدا غەلىتە بىر كۈلكە نامايان بولدى.
— مېنى ئوردوخانىغا ئېلىپ كېتىڭ. ئوغلۇم ئورنۇمدا قالسۇن، — دېدى ئۇ تەكرارلاپ.
— ئاتامنى تېز ئېلىپ كېتىڭ. يەنە ئوردوخانىغا يېتىپ بارالماي قالمىسۇن، — ئاتىسىنىڭ تاچىنى كىيىۋالغان ئۆمەر تېگىن بۇيرۇق قىلغان قىياپەتتە بەگىيۈسۈپنى ئالدىراتتى. ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئاتىسىنىڭكىدەك تاتىراڭغۇ ئىدى. باش ئاغرىقىدىن بولسا كېرەك، ئورۇقلاپ شادىپاچاق بولۇپ قالغانىدى. سوغۇق تەلەتى ئادەمنى شۈركەندۈرەتتى.
بەگىيۈسۈپ بالاساغۇندا ئۈچ كۈنلا تۇردى. تۆتىنچى كۈنى ئاشانبۇقا، ئاداربايلار، ئورۇق — تۇغقان، يار — دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ، شاھ ھارۋىسىغا ياتقۇزۇلغان بۇغرا قاراخان ۋە ئۇنىڭ خانىش، چۆرە، مۇلازىملىرى بىلەن يولغا چىقتى.
ئۆلۈمھەدى ئۆمەر تېگىن ئوردا ئىشىكىگىچە چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭغا سۆز قىلىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئېغىز ئاچمايلا يۈرۈپ كەتتى.
مەھمۇد ئارسلانخان پات — پات كۆزىنى ئېچىپ: «ئوردوخانىغا
كەلدۇقمۇ؟» دەپ سورايتتى. «تېخى كەلمىدۇق» دېگەن جاۋابنى ئاڭلىغاندا، بىكاردىن - بىكار چىچىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى تىللاپ كېتەتتى. ئۇ قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. بۇ كېسەلگە قاچان گىرىپتار بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ، باشقىلارمۇ بىلمەيتتى. خېلى يىللاردىن بېرى قورسىقىنىڭ تويغىنىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى، ئاغزى بوش تۇرمايتتى، ھەمىشە بىر نەرسە يەپ تۇراتتى. يولدا كېتىۋېتىپمۇ ئۇنى يەيمەن، بۇنى يەيمەن، دەپ كىچىك بالىدەك خەپەش قىلىپ، بەگىيۈسۈپنى خىجىل قىلىپمۇ قويدى.
«قەنت سىيىش كېسىلى داۋاملىق تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن پەيدا بولىدۇ. ئاچ كۆز ئىنسان بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. نەتىجىدە ئۆلۈمنى ئۆزى يېقىنلاشتۇرىدۇ» دەپ ئويلىدى بەگىيۈسۈپ گۆشنان يەۋاتقان بۇغرا قاراخانغا كۆز سېلىپ. ئۇ ياداپ بىر تېرە - بىر سۆڭەك بولۇپ قالغانىدى. ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن كېيىنمۇ تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمىغانىدى، پەرھىز تۇتمىغانىدى. چەكلىگەن غىزانى يەيمەن دەپ تۇرۇۋالاتتى. نېمىنى يېگۈسى كەلسە، شۇنى يېمەي غېمى غەلىپىسى بېسىلمايتتى. ھەمىشە «نېمىشقا ماڭا غىزا بەرمەيسىلەر؟» دەپ ۋايسايتتى.
ئاتۇشقا كەلگەندە بەگىيۈسۈپ مەشھەددە توختاپ قەشقەرگە ئادەم ماڭدۇرۇۋەتتى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان يۇرتۇغ - جاندارلىرى، تېۋىپ - ھۆكۈمالار بىلەن ئاتۇشقا بېرىپ، ئاجىزلاپ كەتكەن تاغىسى بىلەن كۆرۈشتى. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازارىدا ئۈچ كۈن خەتمىقۇرئان ئوقۇتتى. تۆتىنچى كۈنى كېچىقۇرۇن بۇغرا قاراخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلدى.
مەھمۇد ئارسلانخاننىڭ كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. بەل، سۆڭەكچىدە يارا پەيدا بولدى. كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بالاساغۇنغا چاپارمان ئەۋەتتى. ۋەلىئەھدى ئۆمەر تېگىن كەلگۈچە مەھمۇد ئارسلانخان جان ئۈزۈپ
كەتتى. ئۇ ئاتا - بوۋىسى ياتقان خان جەمەتى قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
ئارسلانخان ئۇنۋانى بىلەن بۇغراغا مىنىپ، تاج كىيىپ تەختكە چىققان ئۆمەر بۇغرا قاراخانمۇ بالاساغۇنغا يۈرۈپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بېرى مۇشۇنىڭ بىلەن توققۇز بۇغرا قاراخاننى كۆردى.
كۈنلەر ئۆتۈش، قەھەتچىلىك، ھادىسە بولماي، تىنچ ئۆتكەندەك قىلغان بىلەن، ئادەمنىڭ ئۆمىرى تىنچ ئۆتمەيدۇ. بۇ تىنچ يىللاردا بەگىيۈسۈپكە زادى ئاراملىق بولمىدى.
يىگىرمە سەككىزىنچى باب: يەگەنە بىلەن قېزىلغان قۇدۇق
1
بەگىيۈسۈپ ئەللىك ياشتىن ئاشتى. ئۇنىڭ پېشانە، تۆۋەن قاپىقى ئاستىدا بىلىنەر - بىلىنمەس ئىنچىكە سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ، قىزغۇچ ئاق چىرايى تېخىمۇ يېقىملىق تۇس ئالغانىدى. چاچلىرىغا ئاندا - مۇندا ئاق كىرگەن بولسىمۇ، قويۇق قېشى، ساقال - بۇرۇتى قوندۇزدەك قارا ئىدى. ئۆتكۈر نەزەرلىك كۆزلىرى سەل قىسىلغانىدى. سۇمباتلىق قامىتى ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى… ئۇ بۈگۈن سۈبھىدەم ۋاقتىدا، ئادەتتىكىدىن بۇرۇنراق ئوردىغا كەلدى. رۇستەمبەگكە ئاتنىڭ تىزگىنىنى بېرىپ، كۈتۈپ تۇرۇشنى ئېيتتى - دە، دىۋانخانىغا كىردى. ۋەزىر - ھاجىپلاردىن تېخى ھېچكىم كەلمىگەنىدى. ئىشىك ئاغزىدا بۇغراخان سارىيىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. بەگىيۈسۈپ ئىشخانىسىغا كىردى. ھاجىبۇل ھۇججاپلىق كىمحاب تونىنى سېلىپ ئىلغىغا ئاستى. بەلۋېغىغا قىستۇرۇلغان كۈمۈش ئوتۇغاتنى ئېلىپ، خىزمەت شىرەسىنىڭ تارتىمىسىغا سېلىپ قويدى. ئاندىن ئىلغىغا ئېسىقلىق شايى يەكتىكىنى كىيدى. شىرە ئۈستىدىكى ھۆججەت، ئەرزنامە، مەلۇماتنامىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ رەتلەپ، ئورنىدىن قوپتى. يەنە بىر خاندىكى ئىشقا چۈشكەن ھاجىپلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇغراخان سارىيىغا قاراپ ماڭدى. دىۋانخانىدا بۇغراخاننى كۈتۈپ
تۇرۇشقان ۋەزىر - ئۆزئارالار بىلەن سالاملاشتى، ئۇلار ئۇنىڭ ھاجىبۇل ھۇججاپلىق تونىنى كىيگەنلىكىدىن ئەجەبلەنمىدى. ئىشىكئاغىسى بۇغراخاننىڭ ھەرەمدىن چىقمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئولتۇرماي ئىشخانىسىغا قايتىپ كىردى. بىر سائەت ئىچىدە بەش قېتىم چىقىپ يوقلىدى. «مەن بۇنداق ئالدىراققۇ ئەمەس ئىدىم. نېمە بولغاندىمەن؟ ئىچىم تىتىلداپلا تۇرىدىغۇ. ئەللىك ياشقا كىرىپ قالغىنىمدىمۇ يېزىشقا نىيەت قىلغان كىتابنى تېخىچە يېزىشقا كىرىشىپ كېتەلمىگىنىم ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىۋاتامدىمەن ياكى نەچچە كۈندىن بېرى بۇغراخاندىن ئىجازەت سوراشقا جۈرئەت قىلالمىغىنىم ئۈچۈن دىققەت بولۇۋاتامدىمەن؟ مەندە يۈرەك يوقمۇ؟…» دەپ ئويلىغان بەگىيۈسۈپ يەنە ئارقىسىغا ياندى. «مەن بۇنداق ئىرا دەمسىز ئادەم ئەمەستىمغۇ؟ نېمىشقا بۇغراخانغا گەپنىڭ ئۇچۇقىنى ئېيتىپ، ئىجازەت سورىيالمايمەن؟ ئەمدى كېچىكتۈرسەم بولمايدۇ، زادى بولمايدۇ. بەكلا جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەنغۇ؟…»
ئۇ ھەرەمگە كىرمەكچى بولۇپ ماڭدى. دىۋانخانا ئالدىدىكى چىمەنلىكتە ھەسەن بۇغراخان بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە سالام بەجا كەلتۈرۈپ دېدى:
— ئالىيلىرى، ئاتا بۆرە ئىندىن ئەڭ بۇرۇن چىقاتتى. ئەجەب كېچىكىپ قاپلىغۇ؟ ئوغۇللىرىنى تۈلكىنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان ئوخشىماملا؟
— يوقسۇ - يوقسۇ، ھاجىبۇل ھۇججاپ. ئاتا بۆرە خىزمەتتە بولۇپ كېچىكىپ قالدىم. سىزدەك شىرى غەرران تۇرغان يەردە، ئوردامغا تۈلكىنىڭ يوشۇرۇنۇۋېلىشى مۇمكىنمۇ؟
ھەر ئىككىيلەن بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈپ كېتىشتى.
— ئەجەب بۈگۈن ئەتەنگەندىلا مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ قاپسىزغۇ؟ جايلاردىن كەلگەن مۇھىم مەلۇماتنامىلەر بارمىدى؟ يۈرۈڭ، سارايدا سۆزلىشەيلى، — دېدى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان.
ئۇنىڭ ھاجىبۇل ھۇججاقلىق تونىنى كىيمىگەنلىكىگە بىردىن دىققەت قىلىپ.
بەگىيۈسۈپ سارايلىق كىرىپ تەخت ئالدىدا قول باغلاپ تۇردى.
— ئۆلتۈرۈڭ بەگىيۈسۈپ.
— ئۆلتۈرۈلمايمەن، ئالىيلىرى.
— نېمىشقا ئەمەلدى؟
— شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بۇ ھەقتە ئالىيلىرىغا ئېيتقانىدۇم. ئوزاقتىن بېرى ئادالەت — ھەققىنىيەت، بەخت — سائادەت، ئەدەپ — ئەخلاق، ئەقىل — پاراسەت، سەۋر — قانائەتنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت، خەلقنىڭ روناق تېپىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر بۈيۈك كىتاب يېزىش نىيىتىگە يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇنلا كەلگەنىدىم. ئۆتكەن يىللار مابەينىدە بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەندىم، ئۆگەندىم، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تارىخنى تەتقىق قىلدىم. يازغان خاتىرە، ئەسەرلىرىم تۆگىگە ئارتىقۇدەك بولدى. تەييارلىقىم پۈتتى. ئەمدى يېزىشنى باشلىمىسام پىكرىم چېچىلىپ ئەقىل سارايىمدىن غايىب بولىدۇ. يىللاردىن بېرى ئايانماي قىلغان ئەجرىم زايه بولۇپ كېتىدۇ. ئۆمۈر مۇساپەممۇ ئاياغلىشىدۇ. دېمەك، ئارماندا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قېلىشىمدىن ئەندىشە قىلىپ ئەزىز دەرگاھلىرىغا بۇۋاقىت قەدەم قويۇشقا جۈرئەت قىلدىم. ئىجازەت بەركەيلا؟
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان سەگەكلەشتى.
— ئورنىڭىزدا كىم ۋەزىپە ئادا قىلىدۇ، ھاجىبۇل ھۇججاپ؟
— ئالىيلىرى، بۇنىڭدىن غەم يېمىگەيلا. يۇغرۇش، ھاجىپ بولۇپ ئوردا خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان پىركامىللار ئوردىدا ئاز ئەمەس. لېكىن، پادشاھقىمۇ، رەئىيەتكىمۇ قوللانما، دەستۇر بولىدىغان بىر كىتاب يېزىپ قالدۇرۇش، تەڭرى نېسىپ قىلغان جاسارەتلىك ئاقىلنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ئەمدى پېقىرغا بىر مەزگىل ئىجازەت
بېرىشۇنلەر. ئاشۇ كىتابنى يېزىشقا كىرىشەي. تاقىتىم چەككە يەتكەندەك قىلىدۇ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان تەختتىن چۈشتى.
— چۈشەندىم بەگىيۈسۈپ، ھاجىبۇل ھۇججاپلىق تونىنىڭ ئۇچىڭىزدا يوقلۇقىنى كۆرۈپلا، كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشكەنىدى. ئاللانىڭ بۇ تەقدىرىگە مەن قانداقمۇ قارشى تەدبىر قوللىنالايمەن. ھاجىبۇل ھۇججاپ بولۇشقا لاياقەتلىك ئەرەبنى ھەممىدىن سىز ياخشى بىلىسىز. ئۇنى ئورنىڭىزدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن مەن بىلەن خوشلىشىڭ، — دېدى ئۇ ئالدىغا كېلىپ.
بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ بىرئاز كۈتۈپ تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈپ چىقىپ كەتتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. «بەگىيۈسۈپ پەزىلەتلىك، خىسلەتلىك تېپىلغۇسىز زات. ئۇنىڭ خىلى يوق. ئۇ قاراخانىيلار خاندانلىقى ئۈچۈنمۇ، جاھان ئەھلى ئۈچۈن بىر دەستۇر يازىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىجازەت بەرمىسەم تەڭرى ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن…»
ئۇنىڭ خىيال يىپى ئۈزۈلمەيلا بەگىيۈسۈپ كىرىپ كەلدى.
— ئالىيلىرى، ھاجىبۇل ھۇججاپ ئەزىز دەرگاھلىرىغا خىزمەتكە كەلدى، — دېدى ئۇ يېنىدىكى ئوتتۇرا بويلۇق، ئوتتۇرا ياش، تەمبەل كىشىنى كۆرسىتىپ، — ئۆزلىرىمۇ تونۇيلا. ئون يىلدىن بېرى قېشىمدا ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق ھاجىپ بايتەش ئوبۇل ئەلا تارتۇچى. ساھىب قەلەم، قۇتلۇق قەدەم.
— شاھىنشاھ بۇغراخان ئالىيلىرى، خىزمەتلىرىدە بولۇشنى ھاياتىمدىنمۇ ئەۋزەل بىلىمەن، — قوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان تارتۇچى ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
ھاجىبۇل ھۇججاپلىق تونىنى كىيگەن كۈمۈش ئوتۇغاتنى سەللىسىگە قادىغان بۇ ھاجىپنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ياقتۇرۇپ قالدى. شۇ زاماتلا يارلىق چۈشۈرۈپ، بەگىيۈسۈپنىڭ
ئورنىغا ئۇلۇغ ھاجىپ قىلىپ بەلگىلىدى. — مەن سىزنى ئۇزىتىپ قوياي، — دېدى ئۇ تەختتىن چۈشۈپ. — يىراققا كەتمەيمەن، ئالىيلىرى. كېلىپ تۇرىمەن، ئۇزاتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، — بەگىيۈسۈپ شۇ يەردىلا خوشلاشماقچى بولدى. — ياق دوستۇم، بىر كىتاب يېزىش — دۇنيانى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققان بىلەن باراۋەر. مەنزىلىڭىز ناھايىتى ئۇزۇن. ئۇزىتىپ قويمىسام كۆڭلۈم مالال بولىدۇ، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئوردا ئالدىغا چىقىپ خوشلاشتى. — خۇداغا ئامانەت ئۇستاز، دوستۇم. بىزنى تاشلىۋەتمەي كېلىپ تۇرغايسىز. بەگىيۈسۈپ بۇغراخاننىڭ «ئۇستاز، دوستۇم» دېگىنىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. دېمىسىمۇ، ئالىم بىلەن بۇ پادىشاھنىڭ ئۇستاز، دوست بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىغا كۆپ يىللار بولغانىدى. — خۇدا بۇيرۇسا پات — پات كېلىپ تۇرىمەن، شاھىم. خوش، ئامان بولسىلا. بەگىيۈسۈپ ئۆيىگە كېلىپ غۇسۇل قىلدى. ئىككى رەكەت شۈكۈر نامىزىنى ئوقۇپ، دىلداربىكە سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغان كىتابخانىسىغا كىردى. مۇشكى ئەنبەرنىڭ پۇرىقى ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى غىدىقلىدى. ئۆي ئىچى شۇنچە يورۇق، ئازادە ئىدى. تۆت تېمىغا چىقىرىلغان كۆركەم ئويۇقلارغا تىزىلغان كىتابلاردىن ئادەمنىڭ كۆز ئۆزگۈسى كەلمەيتتى. پەقەت تۆشۈلۈكتىن قۇياش ماراپ تۇرغان ئاساجۇپ تورۇستىلا كىتاب يوق ئىدى. ئۇ گۈلدار يوپۇق يېپىلغان شىرە ئۈستىگە رەت-رەت تىزىپ قويۇلغان دۆۋە — دۆۋە قول يازمىلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ ھاياجانلاندى.
— بۈگۈن بىلگە ئەدەب ھەزرەتلىرى، كىتابخانىلىرىدىن مەنسۇر بولدىلىمۇ؟ — دېدى پەتنۇستا چاي، پىيالە كۆتۈرۈپ كىرگەن دىلداربىكە ھەزل قىلىپ.
— مەنسۇر بولمىغان، كۆڭۈلدىكىدەك سەرەمجانلاشتۇرۇلۇپتۇ. بولۇپمۇ يېزىق ئۈستىلىنى دېرىزە ئالدىغا قويۇپ ياخشى قىلىپسىلا. ئەمدى باھار، ياز بويى رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇشبۇيىدىن مەست بولغان ھالدا، قەلەم تەۋرىتىدىغان بولدۇم. تومۇچۇق، تورغايلارنىڭ سايرىشىغا قۇلاق سېلىپ پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولدۇم. ئاھ، بىكەم! سىلى نېمىدېگەن ئەقىللىق، نېمىدېگەن ئوبدان!
— سىلىگە ھېچكىم دەخلى قىلمايدۇ، ئاتىسى. يېقىنقى ھەرقاچان خىزمەتلىرىگە تەييار، — دىلداربىكە نازاكەت بىلەن بېشىنى ئەگدى.
— رەھمەت ئەردەنى خاتۇن①. بۇ ئۆيگە كىرىپ گويا جەننەتكە كىرىپ قالغاندەك بولدۇم. پىكرىمنىڭ بوغۇچلانغان قاناتلىرى يېشىلىپ، پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان چاغرىغا ئوخشاپ قالدىم، — ئۇ دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان گۈزەل كۆكەم مەنزىرىسىگە ئىما قىلىپ بۇ ئەشئارنى ئوقۇدى:
ئېسىپ كەلدى شەرق تىن باھارنىڭ يېلى، بېزەشكى جەننەت يولى.
قوڭۇر يەر ئىپار تولدى، كافۇر② كېتىپ، بېزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ③.
① ئەردەنى خاتۇن — گۆھەردەك خانىم (ئېسىلزادە خانىم). ② كافۇر — ئاق رەڭلىك، خۇش پۇراق دورا ئۆسۈملۈك. ③ «قۇتادغۇ بىلىك» 63 ، 64 بېيىتلەر.
جافا قىشنى قوغلاب، يازغى ئېسىن①، پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىن.
قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا، بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا②.
قۇرۇغان ياغاچلار كىيىندى يېشىل، بېزەندى يىپۇن③، ئال، سېرىق، كۆك، قىزىل.
قوڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تۇرقۇنى، تابغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى.
دالا، تاغ، قىر، ئويمان تۆشەندى يىپەك، بېزەندى ۋادىلار، يېشىل، ئال كىيىپ.
تۈمەن رەڭ چېچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ، ئىپار، كافۇر ھىدىغا دۇنيا تولۇپ④.
مەن مانا بۇ دېرىزىدىن ئالەمنىڭ گۈزەللىكىگە مەھلىيا بولۇپ، ئىلھامغا چۆمۈلمەنمۇ، ئانىسى. سىلى بولمىسىلا قانداق قىلاتتىمكىن؟ بەگىيۈسۈپ مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن مەھبۇبىنىڭ ئاي يۈزىنى سىلىدى. مەن بولمىسام يەنە بىر خاتۇن خىزمەتلىرىدە بولاتتى، مەيۈسلىنىپ قالغان دىلداربېكە چىقىپ كەتكۈچى بولدى. بەگىيۈسۈپ مەھبۇبىنىڭ بىر ئىشتىن كۆڭلى
① ئېسىن شامال. ② بۇ مىسرادا قىش بىلەن يازنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرغىنىنى سۈرەتلىگەن. ③ يىپۇن توق قىزىل. ④ «قۇتادغۇ بىلىك» 65 ، 66 ، 67 ، 68 ، 69 ، 70 بېيىتلەر.
چىگىلىكنى سېزىپ دېدى: — بەگىم، كۆڭۈللىرىگە كېلىدىغان بىر ئىش بولدىمۇ؟ مەيۈسلىنىپ قاپلا. — بېگىم، سىلىنىڭ بىز خاتۇنلارغا بولغان قاراشلىرى باشقىچىرەك تۇرىدۇ. ئالدىنىپ كېلىۋاتامدىمەنكىن، دەپ روھسىزلىنىپ قالغىنىم يالغان ئەمەس، ئۆتكەندىمۇ بۇ ھەقتە ئېيتقانىدىم. — ئېسىمدە ئانىسى، ئۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرمىدىمغۇ، خاتۇنلارغا بولغان قارىشىمنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى نېمىدىن بىلدىلە؟ دىلداربېك تاۋار جىلىتكىسىنىڭ يانچۇقىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى ئالدى. — ئاڭلىسىلا بەگىم. بۇ ئۆز قوللىرى بىلەن يازغان بېيىت، — ئۇ ھەسرەتلىك ئاۋاز بىلەن ئوقۇدى:
ئىشتىكىن، نېمە دەر سىناغان كىشى، سىناغان كىشىنىڭ پىشىقتۇر ئىشى؛
خوتۇن ئالساڭ — ئالغىن، تۆۋەن، توغرىنى، سۆيۈنچ بىرلە ئۆتكەي ھاياتىڭ كۈنى.
چىرايلىقنى دېمە، خۇلقى ئۆزنى دە، كى خۇلقى ياخشى بولسا، يورۇتقاي سېنى.
خوتۇن ئالما، ئالساڭ ئۆز تەڭگىڭنى ئال، ئى، ئەرلەر ئېرى سەن تەڭۋادارنى ئال.
گۈزەل خۇينى ئۈستە، ئاختۇرما جامال، خۇيى ياخشى بولسا، تاپار ئۇ كامال①.
① «قۇتادغۇ بىلىك» 4480-، 4481-، 4482-، 4483-، 4484- بېيىتلەر.
گۈزەللىك قەدىرخان ئايا سەن ئىنسان، ئۇنى قوي، يۈزۈڭنى قىلما زەپىران ①. …
دىلداربەكە ئوقۇپ بولۇپ، بېيىتنى بەگىيۇسۇپكە بەردى. — بېگىم، يەنە بىر قول يازمىلىرىدا «خاتۇن دېگەن قاياققا قارىسا، كۆڭلى شۇ ياققا ئاغىدۇ» دەپ يېزىلىپتۇ ئىكەن. بۇنىڭدىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، سىلىنىڭ نەزەرلىرىدە گۈزەل خاتۇنلار ۋاپاسىز، بۇزۇقمۇ؟ ئەرلەر ئۆزىدىن تۆۋەن خاتۇنلارنىلا ئېلىشى كېرەكمۇ؟ خاتۇنلار كۆزى چۈشكەنلىكى ئەرگە كۆڭۈل بېرىدىغان شۇنچە شەھۋەتخورمۇ؟ بۇنى نېمىدەپ ئالغان؟ جاۋاب بېرىپ باقسىلا. بەگىيۇسۇپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان خاتۇننىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ دېدى: — قول يازمىلارنى رەتلىۋېتىپ، ئۇ مىسرالارغا يەنە كۆزلىرىم چۈشۈپ قالدى — دە. راست، ئۇ بېيىتلارنى مەن يازغان. تازا چۈشەنمىگەندەك قىلىلا. ئۆيلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەرلەرگە قىلىنغان نەسىھەت ئۇ. ھەرگىز خاتۇنلارنىڭ ئەيبىنى ئېچىش، ياكى ئۇلارنى كەمسىتىش، سۆكۈش ئۈچۈن يېزىلغان ئەمەس. توختاڭ، مەن گېپىمنى قىلىۋالاي. ئەرلەر ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان قىز — خاتۇنلارغا ئۆيلىنىشى، مال — مۈلۈكنى، يۇقىرى نەسەبلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتماسلىقى لازىممۇ، لازىم ئەمەسمۇ؟ — ئەلۋەتتە لازىم! — ئاستا جاۋاب بەردى دىلداربىكە. — بۇ بېيىتلاردىكى مەنە شۇغۇ. توختىسىلا، گۈزەل خاتۇن — قىزلارنى قوغلاشماسلىقنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى سەۋەب: ساھىبجامال، لەۋەنلەرنى — ۋاپاسىز، بۇزۇق دېگىنىم ئەمەس. ياق —
① «قۇتادغۇ بىلىك» 4485 — بېيىت.
ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى چىرايلىق بولمىغان سان - ساناقسىز قىز خوتۇنلارغا ئەرلەرنى مايىل قىلىش ئۈچۈندۇر. ساھىبجاماللارغا قانداقلا بولسۇن ئەر چىقماي قالمايدۇ. ئەمما، كۆڭلى ياخشى، تېنى پاك، كۆرۈمسىز ئاياللارنى بولسا، ئالاي دەيدىغان ئەرلەر ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بۇ بېيىتلەردە ھەممە ئەر زاتىنىڭ كۆزى چۈشىدىغان گۈزەللەرنى قوغلاشماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىنغان. بۇ خاتامۇ ئانىسى؟
— بىلدىم. ئۇ بېيىتلەرنىڭ مەنىسىگە يېتەلمەپتىمەن، ئاتىسى. كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا. بىراق، «خاتۇن - قىزلار قاياققا قارىسا، كۆڭلى شۇ ياققا ئاغىدۇ» دەپ يازغانلىرىچۇ؟ بۇ خاتۇن قىزلار ۋاپاسىز دېگەنلىرى ئەمەسمۇ ئاتىسى؟
— ئەسلا! بۇ بېيىتنىڭ مەنىسى كۆپ ھەم چوڭقۇر، ئانىسى. تەجرىبەم ئۆمرۈمدە ماڭا ئىككى خوتۇن نېسىپ قىلدى. ھەر ئىككىلىسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، قىز يېتى ئالغىنىم ئۆزىڭىزگە مەلۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى ساھىبجامال، ۋاپادار، مەسۇم، پاك ئىدى. بىرىسى يېقىنقى ئارماندا قويۇپ تۈگەپ كەتتى. بىرىسى بولسا ۋاپادارلىقى، كۆيۈمى بىلەن يېقىننى شەيدا قىلىپ ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىمنى قايتا يالقۇنجاتتى. شۇنداق تۇرۇپ ساھىبجامال خاتۇن - قىزلارنى ۋاپاسىز دېسەم، تەڭرى ئالدىدا قارا يۈز بولمامدىمەن، ئانىسى؟ راست، ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قانچە گۈزەل نازىنىن خاتۇن - قىزلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ، مۇھەببىتىمگە ئېرىشمەكچى بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ناز - كەرەشمىسىگە ئالدىنىپ، سۇمبۇل چاچلىرىغا باغلىنىپ قېلىشتىن ھەر قاچان ھەزەر ئەيلەپ كەلدىم. خۇلاسە كالام: خاتۇن - قىزلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئەرلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇ بېيىتلەرنى ئاشۇ مەزمۇندا يازغان. ئارتۇق كېتىپتىمۇ، ئانىسى؟ ئارتۇق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلسىلا.
دىلداربىكەنىڭ سەل رەنجىگەن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
— يوقسۇ، يۈزە چۈشىنىپ قاپتىمەن. ئۆزۈمگە ئېلىپ كېتىپتىمەن. كەچۈرسۈنلەر. بىھۇدە گەپلەرنى قىلىپ ۋاقىتلىرىنى ئالدىم، — ئۇ پىيالىگە چاي قويۇپ بەگىيۇسۇپكە تۇتتى.
— ئانداق ئەمەس، ئانىسى. شېئىر دېگەن كۆڭۈلنىڭ تىلى، ئوتلۇق تىل، نازۇك تىل، ئەۋرىشىم تىل. سىلى ماڭا ساۋاق بەردىلە، مەنبىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەشكىمۇ، سۆيگۈ ھېسسىياتىمغا سادىق بولۇشقا قەسەم قىلىمەن، — بەگىيۇسۇپ مۇشۇنىڭ بىلەن پىيالىنى ئۈچىنچى قېتىم بوشاتتى.
2
بەگىيۇسۇپ شۇ كۈندىن باشلاپ ماڭمايدىغان، توختىمايدىغان ئۆزۈن سەپەرگە ئاتلاندى. كىتابنىڭ مۇبارەك نامى توغرىسىدا باش قاتۇرۇش — ئۇ باسقان تۇنجى قەدەم بولدى: «تەھرىم، ئۆزۈك دىلىمغا سېلىپ يازغان بۇ كىتابىم، ھەر قاچان، ھەر زامان مىللەت — قەۋمىمنى بالا — قازادىن ساقلايدىغان، قوغدايدىغان مۇقەددەس ھاياتنامە بولسۇنكى، ئوقۇغانلا ئادەم ئۇنىڭدىن بەھرە ئالسۇن. ئازغان بولسا يول تاپسۇن. خاتالاشقان بولسا توغرىغا يۈزلەنسۇن. نادان بولسا ئەقىل تاپسۇن. يامان بولسا ساۋاق ئالسۇن. زالىم بولسا باغرى يۇمشىسۇن. ئالىم بولسا ھەقنى ئەلگە تونۇتسۇن. پادىشاھ بولسا ئادالەتتىن چەتنىمىسۇن. ۋەزىر بولسا ساداقەتنى قولدىن بەرمىسۇن. باي بولسا سەخىيلىك قىلىپ قەدىرلەنسۇن. كەمبەغەل بولسا غۇرۇرى بىلەن ئەزىزلىنسۇن…» دېگەن نىيەتكە كېلىپ قەلەمنى تۇتقىنىچە ئۈچ كۈن ئويلاندى. بۇ ئۈچ كۈن ئۇنىڭغا ئۈچ مىنۇتچىلىكمۇ بىلىنمىدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل كۆكىدە ئارزۇ چولپىنى چاقنىدى. كۆز ئالدىدا ئۈمىد مەشئىلى ياندى. دىلى، ئەتراپى ياز پەسلىنىڭ چۈش مەزگىلىدىكىدەك يورۇپ يىللاردىن بېرى، ئوي — پىكىرلىرى يېزىلىپ كېلىۋاتقان
دەستە - دەستە يازمىلارنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇنداق قەتئىيەت، ئىخلاس بىلەن مۇتائىلە قىلدىكى، قانچە كۈن - ھەپتىلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى. ئاندىن بۇ يازمىلارنى كۆڭۈل خاتىرىسىگە سېلىشتۇردى. كۆڭلى يورۇپ، ئەقىل سارىيىنىڭ ئىككىنچى ئىشىكى ئېچىلدى… پادىشاھلارنىڭ قانداق پەزىلەت - خىسلەتكە، ۋەزىر، ھاجىپلارنىڭ قانچىلىك بىلىم، ئىقتىدارغا، سۇبېشى، سانغۇنلارنىڭ قانچىلىك جاسارەت - غەيرەتكە ئىگە بولۇشى توغرىسىدا ئويلاپ، پىكىر يۈرگۈزدى. ئادالەتكە، ھەققانىيەتكە خىلاپلىق قىلىشنىڭ خانلىققا، خەلققە كەلتۈرگەن زىيان - زەخمىتىنى - يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلدى. خانلىقنىڭ پۇقرالىرى بولغان ئالىم، ھۆكۈما، ئەدىب، شائىر، سودىگەر، دېھقان، چارۋىچىلار بىلەن پادىشاھنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلدى. ئەدلى - ئادالەت بىلەن ئەلنى سورىغاندا، خەلقنىڭ ھىمايە، ھۆرمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى، زورلۇق - زۇلۇم بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىلىق پىكىرلىرىنى قەتئىيلەشتۈردى. ئادالەت بولمىسا سائادەت بولمايدىغانلىقىنى، قانائەت بولمىسا، خىيانەت، ئاسىلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى - تارىخىي ساۋاقلاردىن ئىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. مەردلىك، سېخىيلىق، كەڭ قورساقلىقنىڭ مۈشكۈللۈك قۇلۇپىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، سەمىمىي ساداقەت، راستچىللىقنىڭ سائادەت مەنزىلىگە ئېلىپ بارىدىغان نۇرلۇق يول ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ باغلىغاندا ئەقىل سارىيىنىڭ ئۈچىنچى ئىشىكى ئېچىلدى. كىتابقا «قۇتادغۇ بىلىك» دەپ نام قويۇپ، خوش خەت بىلەن يازدى.
«ھەممىگە قادىر بولغان تەڭرىم خالىسا، مەن بۇ كىتابىمنى پاساھەت خەزىنىسىدىن ناھايىتى گۈزەل، گۆھەردەك جۇلالىق سۆز دۇردانىلىرىنى تاللاپ، ئەستە قالدۇرۇش ئاسان، ئوقۇشقا ئۇيغۇن بولغان ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ نەپىس بايان شەكىللىك بولغان
ئۆلچەملىك شېئىرىي شەكىل بىلەن يېزىپ چىقىپ، بۇغرا قاراخانغا سوۋغا قىلىمەن» دەپ ئەھدە قىلدى. ئەمدى ھېچقانداق كۈچ بۇ كېپەكتىن ئۇنى چىقىرالمايتتى. كۆكلەمنىڭ قىرغاق سۆيۈپ دولقۇنلىنىپ كەلگەن ئەگىز سۈيىدەك جوش ئۇرغان پىكىرلەر مەنزىل سارىنىڭ كىرىش ئىشىكىگە شۇنداق نەقىشلەندى:
ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بىرىنچى باب
ھەممىدىن ئەزىز ۋە ئۇلۇغ بولغان تەڭرىنىڭ مەدھىيىسى بايانىدا
خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم، تۆرەتكەن، ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئىگىم ①.
ئۇ خالاپ ياراتتى، يارالدى پۈتۈن، ئۇ بىرلا دېدى «بول»، بار بولدى پۈتۈن.
ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق ۋە ياكى تەڭى، نېچۈنلۈكىگە يەتمەس خالايىق ئېڭى.
ساڭىلا سېغىندىم، ئۈمىدىم ساڭا، قىيىنلىق يېرىمدە مەدەت قىل ماڭا ②.
ئۇ ياراتقۇچى ۋە پاناھى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاپ، ئاڭا سېغىنغاندىن كېيىن، ئىككىنچى، ئۈچىنچى بابتا خۇدانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ
① ئىگىم — ئىگەم، تەڭرىم مەنىسىدە. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 1 -، 4 -، 16 -، 29 - بېيىتلەر. 898
يولنى داۋام ئەتكۈزگۈچى تۆت دوستىنى تەربىيلىدى. ئاندىن بۇ مۇبارەك كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىدا باھار پەسلى ۋە بۇغراخاننى سۈپەتلىدى، تىلەك ۋە ئارزۇ قوشلىرىنى قەپەستىن چىقاردى:
جاھان تىندى چىققاچ خاقان تەختىگە، جاھان سۇندى سوۋغات خاقان بەختىگە.
دالادىن كېلىچى ساما قوشلىرى، بىر رايى ھىندى①، بىرى قەيسەرى②.
ئېيتىپ ئاتىشىپ، بەسلىشىپ سايرىشۇر. سۆيۈنۈش، خۇشاللىق ئارا يايىرىشۇر.
گۈزەل مەنزىرە، يەردە گۈل خىلمۇخىل، دالا، تاغ، ئېدىر، يەر يۈزى كۆك - يېشىل.
بىرى شەرق تىن تۇتار مىڭ ئارمىغان③، بىرى غەربتىن تىكەر خىزمىتىگە جان.
شۇ ياقلىغ خىزمەتكە تەيياردۇر جاھان، بويۇن ئەگدى دۈشمەن، يوقالدى شۇ ئان.
يېيىلدى جاھانغا خاقان داڭقىسى، قېچىپ كۆرمىگەن كۆزلەرنىڭ ئۇيقۇسى.④
①② قوشلارنىڭ ناملىرى. ③ ئارمىغان — ھەدىيە قىلغان، سوۋغات قىلغان مەنىسىدە. ④ «قۇتادغۇ بىلىك» 93 -، 94 -، 95 -، 96 -، 99 -، 101 -، 102 - بېيىتلەر.
تۈزۈلدى قانۇن ھەم تىنچلاندى جاھان، قازاندى نام ئۈستۈن قانۇن بىرلە خان. … ئەي خۇيى گۈزەل، پاك نەسەب، پاك ئۇرۇق، جاھان قالمىسۇن سەندىن ھەرگىز قۇرۇق①.
بەگىيۈسۈپنىڭ تۇيغۇ - ھېسسىياتى گويا دېڭىزدەك مەۋج ئۇرۇپ، كىتابنىڭ بەشىنچى، ئالتىنچى، يەتتىنچى بابلىرىنىمۇ يېزىپ تۈگەتتى. قانچە كۈن، قانچە ئاي ئۆتكەنلىكىنى ئۇ قانداقمۇ ھېسابلاپ ئولتۇرسۇن! سەككىزىنچى بابتا مۇئەللىپ ئۆزۈرە قويۇپ كېلىپ، بىلىم ۋە بىلىم ئەھلىنىڭ قۇدرەت، كامالغا يۈكسەك باھا بەردى:
پۈتۈن ياخشىلىقلار بىلىم نەپئى ئول، بىلىم بىرلە تاپتى مىسال كۆككە يول.
بىلىم بىرلە سۆزلە پۈتۈن سۆزنى سەن، بۈيۈك بىل بىلىمى بىلەن ئەرنى سەن.②
ئۇ ھەر سۆز، ھەر قۇرغا بىلىمدىن مەنى بېرىپ توققۇزىنچى، ئونىنچى بابنىمۇ ئاخىرىغا يەتكۈزدى. ئون بىرىنچى بابتا، كىتابنىڭ نامى، مەزمۇنى، يېزىلىشتىكى مەقسەت - مۇددىئاسى، بارا - بارا سوزۇلۇپ ئېچىلغان يۇلتۇزلۇق ئاسماندەك روشەنلەشتى:
① «قۇتادغۇ بىلىك» 103 -، 108 - بېيىتلەر. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 208 -، 209 - بېيىتلەر.
كىتاب نامى قويدۇم قۇتادغۇ بىلىك قۇتاتسۇن ئوقۇچىغا تۇتسۇن ئېلىك.
سۆزۈم سۆزلىدىم مەن پۈتتۈم پىتىك، سۇنۇپ ئىككى دۇنيانى تۇتسۇن ئېلىك.
كىشى تۇتسا بەخت بىرلە ئىككى جاھان، بەختلىك بولۇر، بۇ سۆزۈم چىن ھامان.
بۇ كۈن تۇغدى ئېلىكنى قىلدىم سۆز بېشى، ئىزاھلاي بۇنى ھەم ئەي ياخشى كىشى.
ئۇنىڭ كەينىدىن ئېيتتىم ئايتولدىنى، يورۇيدۇ ئونىڭدىن سائادەت كۈنى.
بۇ كۈن تۇغدى توپتوغرا قانۇن ئۆزى، بۇ ئايتولدى بەخت ھەم سائادەت كۈنى.
كېيىن ئېيتتىم ئەمدى ئۆگدۈلمىشنى، ئەقىلنىڭ ئېتى ئۇ، زورايتۇر ئىشنى.
كېيىن ئېيتتىم ئودغۇرمىش ئۈزرە سۆزۈم، ئۇنى ئاتىدىم «ئاقىبەت» دەپ ئۆزۈم.
سۆزۈم ئۇشبۇ تۆت نەرسە ئۈستىدەدۇر، ئوقۇساڭ دىققەتتە، مەنى ئېچىلۇر.①
① «قۇتادغۇ بىلىك» 350 ~ 358 - بېيىتلەر.
خوشاللىقتا يۈرگەن ئەي ياخشى يىگىت، سۆزۈمنى زايه قىلما ئوبدان ئىشىت.
تىرىش، توغرا يولدىن ئاداشما ھامان، يىگىتلىك كەتمىسۇن بىكار، پايدىلان!① …
بېگيۈسۈپ قەلەمنى قويۇپ ئورنىدىن تۇردى. قوللىرىنى ئۇياق-بۇياققا ئۇزارتىپ، بېلىنى تۈزلىدى. تىنىمسىز ئىش-ھەرىكەت بىلەن ئەللىك باھار-كۈزنى، يازۇقىشنى ئۆتكۈزگەن سۇمباتلىق قامىتى ئېگىلىپ، بەل-پۇتلىرىدا ئاغرىق پەيدا بولغانىدى. ئۇ بۇ ھالنى تۆۋەندىكى مىسرالاردا سۈرەتلىدى:
يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم، ئۇغا قىلدى ئەمدى مېنىڭ يەر ئىشىم.
بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا، كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق، بويۇم بولدى يا②. …
جۈرئەت بولمىسا ئىنسان ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. بېگيۈسۈپ يەڭگى بىلەن قۇدۇق كولاشقا جۈرئەت قىلدى. ئۇنىڭ ئىرادە قىلىچى ئالدىنى توسۇغان يالماۋۇزنى قىيما-چىيما قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ غەيرىتى يولىدا پۇتلىكاشاڭ بولغان قورام تاشلارنى كۆكۈم-تالقان قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ پاراسىتى زۇلمەتنى يورۇتتى. كولا-كولا ئاخىر يەتتە قات يەر ئاستىدىكى بېپايان دېڭىزغا يەتتى. مۇبارەك قۇدۇق ئاستىدىن سۈپسۈزۈك پاكىز سۇ كۆرۈندى! ئۇنىڭ مىننەتسىز قىلغان ئەجرى زايه
① «قۇتادغۇ بىلىك» 359 ~ 360-بېيىتلەر. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 370 ~ 371-بېيىتلەر.
كەتمىدى. ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان قارلىق تاغمۇ ئۆرۈلۈپ، يېنىك تىن ئالدى.
بېگىيۈسۈپنىڭ نەزىرى ئاخىرقى بەتلەرگە قۇرلانغان مىسرالارغا قايتا تىكىلدى.
يىل ئاتمىش ئىككى ئەردى تۆت يۈز بىلە ①، بۇ سۆز سۆزلىدىممەن تۇتۇپ جان سۆرە ②.
تولۇق ئون سەكىز ئايدا تۈگەتتىم بۇ سۆز، يىغىپ سۆز تاللىدىم ھەم تىزدىم تېزە.
ئېچىلغان چېچەكتەك ئىپار ھىد پۇرار، تىزىپ سۇندۇم بۇنى تاماملاپ، پۇرار.
نېچە سۆزلەنسە كىم تۈگىمەيدى سۆز، ئاقار توختىماستىن بۇلاقلار ئارا ③.
قۇدۇق قېزىلىپ بولدى. «قۇتادغۇ بىلىك» يېزىلىپ تامامىلانىدى. يەر بىلەن ئاسمان ئۆچۈق سىزىقدا تۇتىشىپ كەتكەندەك، بۇ خىسلەتلىك داستاندىكى مەزمۇن ئالەمنىڭ ھەممە تەرىپىگە، ھاياتنىڭ پۈتۈن شاد - خۇراملىقى ۋە قايغۇ - ھەسسەتلىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنىدى…
ئۇ دېرىزىنى ئېچىۋەتتى. بۇلۇتلار يەلكەندەك ئۈزۈپ يۈرگەن پايانسىز ئاسمانغا باقتى: «ئى تەڭرىم، ساڭا رەھمەت. ئىشەنچىمنى يەردە قويمىدىڭ، ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىڭ. توغرا پىكىر - بايانلارنى كۆڭلۈمگە سېلىپ، تەسەۋۋۇرۇمنى قاناتلاندۇرۇپ، قەلىمىمنى
① مىلادىيە 1070 - ، 1071 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. ② جان سۆرە — جاننى ئاتاپ تىرىشىپ دېگەن مەنىدە. ③ «قۇتادغۇ بىلىك» 6623 - ، 6624 - ، 6625 - ، 6626 - بېيىتلەر.
راۋان، مۇشكىلىمنى ئاسان قىلدىڭ. مىراس ساھىلىگە يەتكۈزدۈڭ. سەن رەھمەتكە موھتاج بولمىساڭمۇ، مىڭ رەھمەت. بۇ كىتابىمنى ئاۋۋال ساڭا ھەدىيە قىلىمەن. ئۇنى ئەۋلادلىرىمغا يەتكۈزۈپ بەرگىن. تەشنا قەلبلىرىنىڭ چاچقىنى قېنىپ كۈچ - قۇۋۋەتكە تولسۇن. بۇ دۇنيادا موھتاج بولماي، بويۇن قىسىپ قالماي، مەردانە ياشىسۇن. خارلىنىپ قالمىسۇن!» دەپ ئىلتىجا قىلدى.
ئۇ يەرگە باقتى: گۈل - گىياھلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ ئالتۇن رەڭگە كىرگەنىدى. كۈزنىڭ غۇر - غۇر شامىلىدا بەرگىدىن ئايرىلىپ تۆكۈلەتتى. ئۇنىڭ كۆزى يېپىشىل ئارچىغا چۈشتى. يىلنىڭ تۆت پەسلىدە رەڭگىنى، گۈزەللىكىنى يوقاتمايدىغان بۇ سۇمباتلىق دەرەخكە ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ قالدى. شەبنەمدە بوز تورغاي سايرىۋاتاتتى. كۈن چۆمۈلۈپ ھال رەڭگە كىرگەن كۆلدە، كۆلەڭگىسى يېپىنەتتى. بىر جۇپ ئاق قو ئۈزۈپ يۈرەتتى.
«مەن يىگىنە بىلەن قۇدۇق قازدىم. كۆل سۈيى تۈگەپ كەتكەن بىلەن، بۇ قۇدۇقۇمنىڭ سۈيى تۈگىمەيدۇ. ئەي ئانا تۇپراق، سەن مەدەت، ئىلھام بەرمىگەن بولساڭ بۇ قۇدۇقنى قازالمايتتىم. ساڭا رەھمەت!…» دەپ پىچىرلىدى.
— نېمە دەۋاتىلا ئاتىسى؟
بەگىيۈسۈپ بۇرۇلۇپ داستىخان سېلىۋاتقان دىلداربىكەنى كۆردى.
— مىننەتدارلىق بىلدۈرۈۋاتىمەن ئانىسى.
— كىمگە؟
— ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز بولغان تەڭرىگە، گۈل دىيارىمىزغا، سايرام كۆلۈمنى ئالغان بوز تورغايغا.
— ئەجەب — ھە، نېمىشقا ئاتىسى؟ — دىلداربىكە ئۇنىڭغا مېھرلىك نەزەر تاشلىدى.
— قۇدۇقنى قېزىپ بولغىنىم ئۈچۈن.
— قايسى قۇدۇقنى ئاتىسى؟ — دىلداربەككە شېرىن ئۈستىدىكى دەستە — دەستە بەتلىرىگە قاراپ بىردىن كۈلۈپ كەتتى، — ۋاي ئېسىم قۇرسۇن، ئەدەب بېگىم. راستلا تاماملىدىڭىزمۇ؟ — تاماملىدىم بېكەم، تاماملىدىم، — بەگىيۈسۈپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا مەھبۇبىنىڭ ئوتلۇق قوللىرىنى تۇتۇپ پىچىرلىدى، — ئەزىزىم، سىلى بولمىسلىرى تاماملىيالمايتتىم. سىلىگە مىڭ رەھمەت، رەھمەت. مەن پەرۋەردىگار ئالەمدىن ئانىسى سىلىنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە كۆيۈملۈك ھەمراھ، ئۇ دۇنيادىمۇ سۆيۈملۈك دىلرەبا قىلىپ بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىۋاتىمەن. سۆيۈنگەن دىلداربىكە يىغلىۋەتتى. — ئاخىر يېزىپ پۈتكۈزۈپلا، ئاتىسى. رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كەلسە، سىلىگە رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ. يىگىنە بىلەن قۇدۇق قازدىلا ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزنى كۈندۈز، كېچىنى كېچە دېمەي مۆكچىيىپ ئولتۇرۇپ يېزىۋاتقانلىرىغا قاراپ، نەچچە — نەچچە قېتىم ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالغانىدىم. چەككەن جاپالىرىنىڭ يۈزدىن بىرىنى تارتىشىپ بەرگەن بولسام كاشكى. مۇشەققەتلىك ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەي ياداپ كەتتىلە، چاچلىرىغىمۇ ئاق كىرىپ كەتتى. مەن ھېچقانچە ياردەم بېرەلمىدىم، ئاتىسى. — ئۇنداق دېمىسلا بېكەم. سىلى بولغانلىرى ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكمىدىم دېسەم يالغان سۆزلىگەن بولمايمەن. ئىشىم — چىشىمنىڭ ۋاقتى — قارىدا تەييارلاپ بەردىلە، كۈندە دېگۈدەك كىيىملىرىمنى يىغىلاپ كىيدۈردىلە، سائەت مۇسائەت چاي، شەربەت ئېلىپ كىرىپ، ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرۇپ تۇردىلا. پۇت — قولۇمنى تۇتۇپ، ئۇچامنى سىلاپ ھاردۇقۇمنى چىقاردىلا، كۈندۈزى كېسەللەرنى داۋالاپ، كېچىلىرى يازغانلىرىمنى ئاققا كۆچۈردىلە، «بېگىم چارچاپ قالدىلا، ئارام ئېلىۋالسلا» دەپ راھەت — ھۇزۇر بەخش ئەتتىلە. ھەممىدىن مۇھىمى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا
قويۇپ پىكرىمنى قاناتلاندۇردىلا. كىتاب مەزمۇننى بېيىتتىلا. شۇڭا، ئاغرىپ قالماي، بوشاشماي قودۇقنى قېزىپ ئاخىرىغا يەتكۈزدۈم، ئانىسى. يەنە نېمە قىلىپ بېرىسلىم بولاتتى؟ بۇ كىتابقا سىلىنىڭ كۆپ ئەجىرلىرى سىڭدى، — بەگىيۈسۈپ مەيدىسىگە باش قويۇپ بوقۇلداپ يىغلاۋاتقان مەھبۇبىنىڭ قوندۇزدەك قارا چاچلىرىنى سىلىدى.
— ئاتىسى، كۆرسىدە! مىدىرلىماي مىختەك ئولتۇرغانلىرىغا بىر يېرىم يىل بولدى. قول — پۇتلىرى تالدى، ھاردىلا. كەڭ دالانى سېغىنىپ قالغانلا. شىكارغا ئېلىپ چىقاي. ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، دالا — دەرەخ، گۈل — گىياھ، ئۇچار قۇش، كېيىك — توشقانلار بىلەن سىردىشىپ كېلىسلى. ئوغلىمىزنى، بۈۋىئايىشە قىزىمىزنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقايلا. باققان قارچىغىمىزنىمۇ ئوۋغا ئېلىپ چىقماي زېرىكىپ قالدى. سىلى قۇش ئوۋىنى ياخشى كۆرىلىغۇ؟ — دىلداربىكە ئۆزىنىڭ باغرىدىن ئاستا سوغۇرۇلۇپ چىقتى.
— ياخشى كۆرىمەن ئانىسى، ياخشى كۆرىمەن. ئىككى يىلدىن بېرى شىكارغا چىقماي بوشىشىپ قالغاندەك تۇرىمەن. تاغ — دالانى سېغىنىپ قالدىم. ماقۇل بىكەم، قاچان چىقىمىز؟
— بۈگۈن ئۆيدە ئوبدان ئارام ئېلىۋالسىلا، ئەتە چىقسلى.
— ماقۇل ئانىسى. بىر ھەپتە ئوبدان دەم ئېلىۋېلىپ، ئاندىن يازغانلىرىمنى تەھرىرلەپ رەتلەپ چىقاي.
— تېخى تولۇق تاماملانمىغان ئوخشىمامدۇ، ئاتىسى؟
— ياق، تاماملاندى. شېئىر بىلەن يېزىلغان بۇ چوڭ كىتاب مەزمۇن، مەنتىقە، ئىملا جەھەتەلەردىكى سەۋەنلىك، خاتالىقلاردىن خالى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، بىر قېتىم كۆرۈپ چىقمىسام بولمايدۇ. مۇئەللىپ، بىر چېكىتنىڭ كەم، ئارتۇق بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. كىتاب مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.
— بۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت كېتەر، ئاتىسى؟
— ھەركۈنى ئەتىگەن — كەچ تەرەپلەردە تۆت — بەش سائەت
كۆرسەم، يېرىم يىلغا قالماي كۆرۈپ بولىمەن. جاپالىق ئەمگەك تۈگىدى، ئانىسى. خاتىرجەم بولسىلا.
دىلداربەك قىرغائۇل كۆلپى بىلەن چۆچۈرە ئېلىپ كىردى. تاماق يېيىلگەن بەگىيۈسۈپ ئايبۇلاق بويىغا جاي راسلاپ، راھەتلىنىپ ئىككى سائەت ئۇخلىۋالدى. قوپۇپ دىلداربەك بىلەن تاشقىرى - ئىچكىرى ھويلىدىكى يامغۇر يېغىپ ئۆتكەن يەرگە تېرىلگەن گۈللەرگە سۇ قويدى. ھارام پۇتاقلىرىنى كېسىپ تاشلىدى. شۇ چاغدا مەدرىسىدىن كەلگەن مىرزامان بەگ ھويلىغا كىردى.
— ئاتا، مەۋلانا ئىبنى خەلەپ ھەزرەتلىرى ئۆزلىرىگە سالام ئېيتتى، — دېدى ئۇ ئايبۇلاققا يېقىنلاپ.
— ئۇ ھەزرەت سالامەت بولسۇن، ئوغلۇم. ھەزرەتىمگە سالامىمنى يەتكۈزۈپ، قېزىشقا كىرىشكەن قۇدۇقنى كولاپ بوپتۇ، دەپ قويغىن.
— خۇپ ئاتا. كولاپ بولغان قايسى قۇدۇق ئۇ؟ — ئەجەبلىنىپ سورىدى ئوغلى.
— بالام، ئاتاڭ يېزىۋاتقان كىتابنى تاماملىدىم دېمەكچى.
— مۇبارەك بولسۇن، ئاتا، — مىرزامان بەگ كېلىپ بەگىيۈسۈپنى قۇچاقلىدى، — مەنمۇ بۈگۈن «تەفسىرى قۇرئان»نى تۈگەتتىم. ئەمدى ئەپلاتون پەلسەپىسىنى ئۆگىنىشنى باشلايمەن.
— ئوھۇ! ساڭىمۇ مۇبارەك بولسۇن ئوغلۇم. بۈگۈن بەلگە بولاي دەپسەن - دە.
— ئەلۋەتتە، ئاتا. ئىبنى خەلەپ ھەزرىتىم سەن مۇشۇنداق تىرىشىدىغان بولساڭ بۇغۇچ بولسەن، دەيدۇ. مەن ئەپلاتون بولىمەن، ئاتا.
— ئوھۇ! خۇدا تىلىڭگە يەتكۈزسۇن بۆرەم. بۇ كىتابقا سېنىڭمۇ ئەجرىڭ سىڭگەن. ئاققا ئېلىشقا ياردەملەشتىڭ. پاساھەت، شۇجائىتىڭ بىلەن روھىمنى ئۇرغۇتتۇڭ. سەن بۈگۈن بەلگە ئەپلاتون بولالايسەن. ھەزرەت فارابىنىڭ ئەسەرلىرىنى
ئوبدان ئۆگەنگەن. ئەقىل بولىقىڭ ئېچىلدۇ، — بەگىيۈسۈپ مىرتامان بەگنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.
ئۇ ھاياتىدا مۇنداق خۇشال بولۇپ باقمىغانىدى.
— ئوغلۇم، سەن بىلەن كەپتەر ئۇچۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ، — دېدى ئۇ قورۇنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن بىر توپ كەپتەرگە قىزىقىش نەزىرى بىلەن قاراپ.
مىرتامان بەگ كىچىكىدىن قۇشلارغا ھەۋەس قىلاتتى. ئون يېشىدىن تارتىپلا كەپتەر باققانىدى. كەپتەرخانا ئىچكىرى ھويلىدىكى ئايۋان ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە ئىدى.
ھەمىشە شوتا قويۇقلۇق تۇرغان ئۆگزىگە بەگىيۈسۈپ ئوغلى بىلەن چىقتى. كەپتەرخانىدا بىرەر يۈزدەك كەپتەر بار ئىدى. غۇژۇلۇشۇپ، قانات قېقىشىپ، بازلىشىپ ئوينىشىۋاتاتتى. ھەممىسى دېگۈدەك قۇمۇشتىن چىقىۋالغانىدى. ھەممىسىنىڭ بوينىغا كىچىك غوڭ قاپاق ئېسىپ قويۇلغانىدى.
— بالام، كەپتەرلىرىڭ كۆپىيىپ قاپتۇغۇ؟ — دېدى كۈلۈمسىرەپ بەگىيۈسۈپ. بىر كەپتەرلەرگە، بىر ئۇچۇق ھاۋاغا قاراپ.
— ئاچ قورساق كەپتەرلەر قوشۇلۇپ مۇشۇنداق ئېشىپ كەتتى، ئاتا. قىش كىرگۈچە ئىككى يۈزگە يېتىدىغاندەك قىلىدۇ. كەپتەرخانا كىچىك كېلىپ قالىدىغان بولدى.
— چوڭراق قىلىپ ياسىتىپ بېرەي، ئەمما ئېشىپ كەتمىسۇن. خەقنىڭ كەپتەرلىرىنى قوشۇۋالما.
— ماقۇل، ئاتا. ئاۋۋال دان بېرەي. قورساقلىرىنى بىرئاز توقلىۋالسۇن. ئاندىن ئۇچۇراي. بولمىسا باشقىلارنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
مىرتامان بەگ كەپتەرلەرگە دان چېچىپ بەردى.
— قۇشلار داننى دەپ، ئادەملەر پۇل — بايلىقنى دەپ جان بېرىدۇ، ئوغلۇم، — دېدى بەگىيۈسۈپ بىر — بىرىنى چوقۇشۇپ، ئىتتىرىشىپ، تالىشىپ دان يەۋاتقان كەپتەرلەرگە قاراپ، — بەزى
908
ئادەملەر ئاچ كۆزلۈكتە قوشلاردىن قېلىشمايدۇ. ھە، قېنى كەپتەرلىرىڭنى ئۇچۇرغىن! مىرتامانبەگ كەپتەرخانىنى ئاچتى. ئاتا - بالا تاياقلىرىنى ئۇياق - بۇياققا ئايلاندۇرۇپ، كەپتەرلەرنى ئۇچۇرغىلى تۇردى. ئويۇنچى، پەلەك، موللاقچى كەپتەرلەر قەشقەر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشتى. غۇڭ قاپاقتىن ياغرىغان مۇڭلۇق سادا پەلەككە تارقالدى. ئالاهەزەل بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ئۇچقان كەپتەرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆگزىگە چۈشتى. مىرتامانبەگ ئودۇللۇق دان چېچىپ بەردى.
- ئاتا قارىسىلا، ئاۋۇ ئۇچى قوشۇلۇپ كەپتۇ. ئويۇنچىلار ئىكەن، - دەپ خوش بولۇپ كەتكەن بالا كەپتەرلىرىنى قۇمۇسقا كىرگۈزۈۋەتتى. ئۇلار ئۆگزىدىن چۈشۈشكە د those د يار بېكە قوغۇن پىچىپ بەردى.
- تاتلىق ئىكەن، شېرىن ئىكەن، - دېدى بەگىيۈسۈپ. ئۇنىڭ بۇگۈنكى كېچىسى تېخىمۇ شېرىن ئۆتتى…
3
بەگىيۈسۈپ بالىلىرى بىلەن ئەتىسى ئەتىگەندىلا شىكارغا چىقتى. ئۇ بىر يېرىم يىلدىن بېرى كىتاب يېزىش بىلەن بولۇپ، دالانى سېغىنىپ قالغانىدى. خوش ھاۋا تۆمەن، قىزىل دەرياسى بويلىرى چار باغلەدەك ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇلار كۆۋجەپ ئاققان دەريانىڭ شاقىراشلىرىغا، قىرغاقتا سۇ ياقىلاپ ئوتلاۋاتقان كالا - قويلارنىڭ مۆرەش - مەرەشلىرىگە، ھەتتا ئاپتاپقا قاقلىنىپ چەمبەر بولۇپ توگۈلۈپ ياتقان يىلانلارنىڭ كۆشۈلداشلىرىغا قۇلاق سالدى. دەل - دەرەخلەرنىڭ تۆۋىدە توختاپ، تورغاي، تومۇچۇقلارنىڭ مۇڭلۇق ساداسىنى تىڭشىدى. گۈل - گىياھلارنىڭ شۇھرىلىشىغا، بېلىجانلارنىڭ
پىچىرلاشلارغا زېھن قويۇپ، دەريا سۈيىدە تاھارەت ئالدى. بىلىكىگە قوندۇرۇۋالغان قارچىغا بىلەن كېڭىشىپ مۇڭداشتى. قۇملۇق قىرغاقتا ئولتۇرۇپ، باغرىنى يەرگە يېقىپ زېمىننىڭ نىداسىنى ئاڭلاپ ھاياجانلاندى. دىلداربېك بىلەن ئات ئىز دەپ يۈرۈپ، قوش سېلىپ ئىككى قىرغاۋۇلنى ئۆلتۈردى. خۇددى يىگىتلىك چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش غەيرىتى ئۆركەشلەپ تاشقان بەگىيۈسۈپ قارچىغىنىڭ چاڭگىلىدا تىپىرلاۋاتقان قىرغاۋۇلنى ئېلىپ بوغۇزلىدى. بىر لوقما گۆشنى قۇشقا بېرىپ، تۇماقنى بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى. دىلداربېك:
— بۇنداق قىلىش رەھىمسىزلىك ئەمەسمۇ؟ — دېدى.
— ياق، بۇ رەھىمسىزلىك ئەمەس، تەبىئىي قانۇنىيەت. قارچىغا قىرغاۋۇل، توشقاننى ئۆلتۈرمىسە ئاچ قېلىپ ئۆلىدۇ. ئادەملەر شىكار قىلمىسا ياخشى بىر يېمەكلىكتىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا، قارچىغا، بۈركۈتلەرنى كۆندۈرۈپ ئوۋ قىلدۇرىدۇ. ھاياتلىق ئەنە شۇنداق تەڭشەلگەن ئانىسى…
ئۇلار سۆزلىشىپ مېڭىپ چاتقاللىقتا بۆشۈكئايشەگە ئۇچراپ قالدى. ئۇ يېڭىلا ئېپتىۋالغان ئولارنى ئېتىغا غانجۇغىلىۋالغانىدى. چاتقاللىقنىڭ بىر چېتىدىن مۇرتامانبەگ بىلەن رۇستەمبەگلەر چىقىپ كەلدى. ئۇلار كەكلىك، كېيىك، بىر تۈلكە، ئىككى توشقان ئېپتىۋالغانىدى. بەگىيۈسۈپ رۇستەمبەگنىڭ قولىدىكى ساداقنى ئېلىپ ئېلىپ قارچىغىنى تۇتقۇزۇپ قويدى:
— ئەمدى قوش بىلەن شىكار قىلىڭلار. بۆرىنى ئۆلتۈرمىسىڭلار، ئېغىرئاياغ ھايۋانلارنى ئاتمىغىنىڭلار ياخشى بوپتۇ. مەن ئەمدى يا بىلەن شىكار قىلىپ باقاي.
بەگىيۈسۈپ يانى بەتلەپ بىر قانچە قېتىم ئوق ئۈزگەن بولسىمۇ، ئولجىغا ئېگە بولالمىدى. قايتىدىغان چاغدىلا بىر توشقان، بىر تۈلكىنى ئېپتىۋالدى. ئوقيا ئېتىشقا ماھىر دىلداربېك بىر غاز، ئىككى قىرغاۋۇلغا تەگكۈزگەنىدى.
بەگىيۇسۇپنىڭ ئۆيىدىن چىقماي سارغىيىپ قالغان چىرايىغا قان يۈگۈرۈپ ياشىرىپ قالدى. كۈن پاتقاندىن كېيىن ئۇلار شىكاردىن ياندى. پېشايۋاندا ئولتۇرۇپ ئۆز مەئىشىتى بىلەن غەزەللەندى.
بۇ غەم - غۇسسىسىز دەم ئېلىشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، مۇدەررىس، ئالىم، ئەدىبلەر بەگىيۇسۇپتىن ھال سورىغىلى كېلىشتى.
— بىز، ئۆزلىرى قازغان قۇدۇقنىڭ شېرىن سۈيى بىلەن چاڭقىغىنىمىزنى قاندۇرغىلى كەلدۇق، — دېدى سالاملىشىپ ئەھۋال سوراشقان مەۋلانا ھۈسەيىن پەزلۇللا ئېبنى خەلەپ، — مىراسنامىدىن ئىشتىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. تۈنۈگۈن كېلەيلى دېسەك شىكارغا چىقىپ كېتىپلا. كۆرگۈمىز، مۇڭداشقۇمىز بار ئىدى. دىدارلىرىغا يەتكۈزگەن ئاللاھدىن مىننەتدارمىز.
— ئەگەر ئۇسسۇزلۇقلىرىنى قاندۇرالىسام ئارمانغا يەتكەن بولاتتىم، ئۇستاز، — دېدى بەگىيۇسۇپ ئۇلارنى كىتابخانىسىغا باشلاپ، — يىقىرمۇ ھەربىرلىرىنى شۇنچە سېغىنغانىدىم. مەرھابا!
ھۈسەيىن پەزلۇللا ئېبنى خەلەپ دەستىلەپ ئۈچ جىلتلىق سېلىپ قويۇلغان قول يازمىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ:
— بىب aha تۆھپە، بىب aha تۆھپە، — دېدى ئۇ بەگىيۇسۇپنى تەبرىكلەپ، — ئالاھىدە يازغانلىرى ئىككى مىڭ بەشتىن ئارتۇق ئىكەن، — ئۇ ۋاراقلاپ - ۋاراقلاپ بىر بەتكە كۆز سېلىپ ئۈنلۈك ئوقۇدى:
بولاي دېسەڭ ئەلگە ئۆزۈن ھۆكۈمران، قانون تۈز، يۈرگۈز، خەلقنى ئاسرا ھامان. ①
① «قۇتادغۇ بىلىك» 2033 - بېيىت.
ئەل ئارتار قانۇن بىرلە، تۈزۈلۈر جاھان، زۇلۇم بىرلە كېمىپ ئەل، بۇزۇلۇر جاھان ①.
ئۇ يەنە بىر ۋاراق ئۆرۈپ ھاياجىنىنى باسالماي قالدى:
بولۇۋەرسە ئىتتىپاق، كۆر، باش ئارسلان، بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئىت تۇ ئارسلانغا باش، بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان ②.
— مانا بۇ مىسرالار، ئەۋلادتىن — ئەۋلادقا يول كۆرسەتكۈچى مەشئەل بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. جاناپلار، پادىشاھلار قان كېچىپ جەڭ قىلىپ قولغا ئالغان شەھەرلەر بىر كۈنى خاراب بولىدۇ. بايلار ئېسىل تاش، بېللور، ھەقىقتىن ياسىغان كۆركەم قەسىرلەر بىر كۈنى ۋەيران بولىدۇ. بەگىيۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەقىل ۋە بىلىم جەۋھەرلىرىدىن پۈتكەن بۇ ئالەمشۇمۇل داستانى ئەۋلادلار ئۈچۈن بېباھا تۆھپىكى، زاماندىن — زامانغا مىراس قالغۇسى. ئۇ يازغاندەك پادىشاھ ئۆتەن، قەۋمىگە سادىق، ئارسلاندەك غەيۇر بولسا، ئەل — ئەركان، قەۋممۇ ئۆز پادىشاھىغا سادىق، قورقۇمسىز، مەردۇمەيدان بولۇپ قۇدرەت تاپىدۇ. ناۋادا، پادىشاھ ئىت مىجەز، قارا نىيەت بولسا، ئەل — ئەركان، قەۋممۇ لالما ئىتلارغا ئايلىنىپ، كاززاپ، سۇخەنچى، مۇناپىق بولۇپ رۇناق تاپالمايدۇ. تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا خارلىنىپ كۈلپەت چېكىدۇ. بۇ ئەۋلاد ئۈچۈن ھەق ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، — دېدى ئىبنى خەلەپ كۆزىگە ياش ئېلىپ ۋە ھاياجانلانغان ھالدا قولىدىكى بىر دەستە قول يازمىنى مۇھەممەد بىننى ئەلى كاشغەرىيگە سۇنۇپ بەردى. ئۇ
① «قۇتادغۇ بىلىك» 2034 — بېيىت. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 2047 — ، 2048 — بېيىتلەر.
قولىغا ئېلىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇدى.
كېلىن قىز سۆيۈنچى نىكاھ - توي كۈنى، باتۇرنىڭ سۆيۈنچى جەڭ قىلغان كۈنى.
سۈرەر ئالغا لەشكەر باتۇر ئات چىپىپ، لاچىن قۇش ئالۇردەك تۆكەر ياق قېنى.
يىغى كۆرسە باتۇر قوپارتۇر توزان، بۆلەكلەرگە نۆۋەتنى بەرمەس ھامان.
چېرىك كۆرسە باتۇر بولۇر ئارسلان، قىلۇر ياقنى يوق، يا بېرىر ئۆزى جان①.
- نېمىدەپ كەتكەن ھېكمەتلىك مىسرالار - ھە! ھەربىر جۇۋانمەرد پەرزەنتلىرىمىز بۇ مىسرالارنى قەلبىگە پۈتۈۋېلىشى، ھەرقاچان باستۇرۇپ كىرگەن ياق بىلەن شىر غەزەبىدەك ئېلىشىپ ئانا ۋەتەننى ئاياغ باستۇرماسلىقى، بەلكى تىرىپىرەن قىلىپ دۇنيادا مەغرۇر ياشىشى لازىمدۇر، - ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، قول ئۇزارتقان يەنە بىر ئالىمغا بەردى. ئۇ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇدى:
بىلىمسىزگە تۆردە ئورۇن بولسا كۆر، بۇ تۆر بولدى پېگاھ، پېگاھ بولدى تۆر.
بولۇپ قالسا پېگاھ ئالىمغا ئورۇن، بۇ پېگاھ بولۇر تۆر تېخى ئەڭ بۇرۇن.②
① «قۇتادغۇ بىلىك» 2380 ~ 2383 - بېيىتلەر. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 262 - ، 263 - بېيىتلەر.
— بارىكاللا! — دېيىشتى ئالىملار، — ھەقنى جاكارلاپتۇ. بىلىم دۈشمەنلىرىنى جازالاپتۇ. بىلىمسىزلىك ئەقىلنىمۇ، جاننىمۇ خورىتىدۇ. بىلىم ئەھلىگە ھۆرمەت تەختتىن ئورۇن بەرمىگەن پادشاھنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. قەۋمى كۈلپەت، ئاسارەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. بىر مۇدەررىس قول يازمىنى ئېلىپ، ئېچىپلا ئوقۇدى:
ناھايىتىمۇ قاتتىق غېرىبلىق ئىشى، غېرىبلىقتا قاتقاي تولا ئەر بېشى.
كېرەك بولغاي ئالتۇن — كۈمۈش بىگۇمان، ئۇنى خەج قىلايىن دېسە ھەرقاچان①.
— نېمىدېگەن ھېكمەتلىك مىسرالار — ھە! شامال — بوران كۆھقاپتىن چىققاندەك ھەممە بالا — قازا غېرىبلىقتىن چىقىدۇ. بۇنى بىلمىگەن شاھ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ! ئۇ يەنە ئوقۇشنى داۋام قىلدى:
ئوغۇل — قىز غېمى بۇ تۈۋى يوق دېڭىز، ئوغۇل — قىز غېمىدىن سارغايدى مېڭىز.
كىشىنىڭ بولسا ئوغلى، قىزى، خوتۇنى، نېچۈن كۆرگەي ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇنى؟
ئوغۇل — قىزنى دەپ يەر ئاتا ئۆز ئېتىن، ئوغۇل — قىز ئاتماس ئاتانىڭ ئېتىن②.
— ئاتا — ئانىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن پەرەزەنت بەتبەخت
① «قۇتادغۇ بىلىك» 478 — ، 479 — بېيىتلەر. ② «قۇتادغۇ بىلىك» 1164 — ، 1165 — ، 1166 — بېيىتلەر.
مەلئۇننىڭ ئۆزىدۇركى، بۇ دۇنيا - ئۇ دۇنيادا خارلىقتا قالغاي، ئاتا - ئانىنىڭ قەدرىگە يەتكەن پەرزەنت كامال تاپقان ئەزىزلەردىن بولغايكى، ئىككىلا دۇنيادا ھۆرمەت تاپقاي. بەگىيۈسۈپ كۆڭلىمىزدىكىنى تېپىپ پۈتۈپتۇ، - دېدى مۇدەررىس، - قول يازمىنى ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپكە سۇنۇپ. ئالىم ئوقۇدى:
بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر، جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلار.
بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەگلىك، تۇڭا ئالپ ئەر ① ئىدى بەختى بەگلىك.
ئىلىمدە بۈيۈك، كۆپ پەزىلەتلىك دىلى، بىلىملىك، ئەقىللىك، خەلقىنىڭ خىلى.
ئىدى ئۇ سەمەرە - خىل، زىرەك ئەر ئوغلان، دۇنياغا زىرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران ②.
بەگىيۈسۈپ بۇ داستانغا ئالىملارنىڭ شۇنچە يۇقىرى باھا بەرگىنىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ:
- مەۋلانا مەھمۇد كاشغەرىي بۇ سورۇندا بولسا كاشكى! ئۇ كىتابىمنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىپ مېنى بۇنچە تەشۋىشتە قالدۇرماس ئىدى. كاشكى - كاشكى… ئۇ يوق بولۇپ قالدى، - دېدى ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
- مەۋلانا بەگىيۈسۈپ نېمىشقا خىجىل بولىدۇلا. بىز ھەق گەپنى قىلدۇق. سىلىنى قانچە تەربىيىلىسەك، مەدھىيىلىسەك
① تۇڭا ئالپ ئەر - ئالپ ئەرتۇڭا (ئافراسىياپ). ② «قۇتادغۇ بىلىك» 276 ~ 279 - بېيىتلەر.
ئەرزىيدۇ. ناۋادا، بۇ قۇتلۇق سورۇندا مەھمۇد كاشغەرىي ھەزرەتلىرى بولسا: «بېگىيۈسۈپ، سىز بۇ داستانىڭىز بىلەن دۇنياغا بىر ئۆچمەس چىراغ يېقىپ بەردىڭىز. پادىشاھمۇ، پۇقرامۇ، بايمۇ، گادايمۇ ئەمدى قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ» دېگەن بولاتتى. سىلىنى ھەرگىز تەڭلىكتە قالدۇرمايتتى، — ھۈسەيىن پەيزۇللا ئېتنى خەلەپ سېلىنغان «قۇتادغۇ بىلىك» كىتابىنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى، — بېگىيۈسۈپ، ئۆز گەپلىرى بىلەن ئېيتقاندا، سىلى يەڭنە بىلەن شۇنداق بىر قۇدۇق قازدىلا كىم، ئۇنىڭ سۈيى مىڭ يىللاردىن كېيىنمۇ تۈگىمەيدۇ. ئەۋلادلار قىيامەت قايىم بولغۇچە سىلىنى ياد ئېتىدۇ. سىلى بۇ ئەلگە قۇت بېرىدىغان كىتابنى ئاددىي تىل بىلەن ئەمەس، ھېكمەتلىك، پاساھەتلىك، گۈزەل مىسرالار بىلەن داستان قىلىپ پۈتۈپ چىققانلىرى ئۈچۈن بىزلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر قەۋملىرى، شەرق ۋە غەرب ئەھلى تەھسىن — ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئۆز ئالىمىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان، ئۆز ئالىمىنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرمىگەن، ئاسرىمىغان، قەدىرلىمىگەن مىللەت — ئۆز ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ، ئۆزىنى خار قىلىدۇ. بىز سىلىنى قەدىرلەيمىز، ئەزىزلەيمىز، — ھۈسەيىن ئېتنى خەلەپ «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ قول يازمىلىرىنى بېگىيۈسۈپكە ئېگىلىپ سۇنۇپ بەردى.
— رەھمەت بۈزرۈكۋارلىرىم، رەھمەت پېشۋالىرىم. مەن ھەربىرلىرى بىلەن پەخىرلىنىمەن. ۋەەتەن خەلقىم بىلەن پەخىرلىنىمەن. بۇغراخانلىرىم بىلەن پەخىرلىنىمەن، — بېگىيۈسۈپ ئالىم، مۇدەررىسلەر بىلەن بىر — بىرلەپ قۇچاقلاشتى، ھەممىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ھەزرەتلىرىنىڭ ۋەەتەنگە سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلايلى، — دېدى ئۇ.
ئالىملار دۇئائا قول كۆتۈردى.
دۇئادىن كېيىنمۇ ئۇزاققىچە پاراڭلىشىپ، قوغۇن — تاۋۇز يەپ
ئولتۇرۇشتى. ئۇلار ئاسماننى يۇلتۇز قاپلاپ، ئاينىڭ كۆك قەھرىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىمۇ بىلمەي قېلىشتى. ئۇلار ئۆزاپ چىققاندا تۈن يېرىم بولغانىدى.
سەھەردىلا ئويغىنىپ كەتكەن بەگىيۈسۈپ شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان دىلداربېكىگە تويدۇرمايلا ئورنىدىن قوپتى. ئالىملارنىڭ دېگەنلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ھاياجىنى تېخى بېسىلمىغانىدى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ، ئەتىگەنلىك چاينى ئىچكەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئوردىغا باردى. ۋەزىر - ۋۇزەرا، ھاجىپ، سانغۇنلار بىلەن قىزغىن سالاملاشتى. ئۇلار ئۇزاق يىللار ئايرىلىپ كېتىپ، تاسادىپىي كۆرۈشۈپ قالغان قېرىنداشلاردەك بىر - بىرىگە قېنىشماي ھال - مۇڭ بولۇشتى. ۋەزىر، ھاجىپلار:
— ئىشلىرى تۈگىدىمۇ بۈگۈن بىلگە ھەزرەتلىرى. كېلىشلىرىگە مۇنتەزىر ئىدۇق، — دېيىشىپ ھۆرمەت كۆرسىتىشتى. ئۇنىڭ كەلگىنىدىن خەۋەر تاپقان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ئۆزى سارايغا باشلاپ كىردى.
— ئاخىر كەلدىڭىز ئۇستاز. ئوردا خىزمىتىدىن بېزار بولغان ئوخشايدۇ، كىتاب يېزىشنى باھانە قىلىپ ئىجازەت بېرىشكە قىستىدى، مەندىن رەنجىپ قالغانمىدۇ، دەپ كۆڭلۈم بەك يېرىم ئىدى، — دېدى ئۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھاجىبۇل ھۇجراپ كۇرسىغا ئولتۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ، ئۆزى تەختكە چىقتى.
— بۇغراخان ئالىيلىرى، مەن يەنىلا ھاجىپ كۇرسىغا ئولتۇراي. ھاجىبۇل ھۇجراپ ئىشەنچلىرىنى يەردە قويمىغاندۇ؟ — دېدى ئۇنىڭ تەكلىپىنى سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىپ.
— يوقسۇ - يوقسۇ، ئۇستاز. ئۇبۇل ئەلا ئارتۇچى كامالەتكە يەتكەن بۈگۈن بىلگە ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن رازى. خالىمىسىڭىز زورلىمايمەن. مەيلى قەيەردە ئولتۇرسىڭىز، مېنىڭ نەزىرىمدە سىزنىڭ ئورنىڭىز ھەممىدىن يۇقىرىدا. شۇنداق ئۇلۇغ ئىشنى قىلىۋېتىپمۇ ئارلاپ كېلىپ، دىدارىڭىزغا تاشنا كۆڭلۈمنى
قاندۇرۇپ تۇردىڭىز. لېكىن، بىرنەچچە ئايدىن بېرى كۆرۈشكۈم كېلىپ، يولىڭىزغا مۇنتەزىر بولۇپ قالغانىدىم. كېلىپ يېرىم بولغان كۆڭلۈمنى يەنە پۈتۈن قىلدىڭىز. سىز نېمىشقىمۇ ھىممەتلىك، مەردانە - ھە؟!
— كىتابنى تاماملىدىم، ئالىيلىرى. خىزمەتلىرىدە داۋاملىق بولىمەن. ئېيتقانلىرى يېقىن ئۈچۈن ئارتۇقلۇق قىلىدۇ.
— كىتابنى يېزىپ تۈگەتتىڭىزمۇ؟ مۇبارەك — مۇبارەك! — دۇنيانى بىر ئايلىنىپ چىقىپسىز — ھە؟! قۇتلۇق قەدەم. كىتابىڭىزنى بىر كۆرۈپ چىقىشىمغا بولارمۇ ئۇستاز؟
— ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى. يېزىپ تاماملىغىنىم بىلەن تەھرىرلەپ كۆچۈرۈپ، شىرازلار كىتاب قىلىپ چىقىشقا يەنە ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئارزۇلىرىنى تېزىرەك قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
بەگىيۈسۈپ «ئالىيلىرىغا تەقدىم قىلماقچىمەن» دېمەيلا سۆزىنى توختاتتى.
— سىز يېنىمدىلا بولسىڭىز ھەر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇغاندەك بولىمەن. ماقۇل، كىتابنى تەھرىرلەش ئىشىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. پات — پات كېلىپ تۇرغايسىز ئۇستاز.
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى.
— چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كېتىشىڭىزنى ئۆتۈنسەم بولامدۇ؟
— ئەلۋەتتە.
بەگىيۈسۈپ چۈشلۈك تاماقنى بۇغراخاننىڭ ئارامگاھ سارىيىدا يەپ، ئاۋۋال ساچىيە مەدرىسىگە، ئاندىن خانلىق مەدرىسىگە باردى. ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى خۇش قىلمىۋاتاتتى.
— ئوردىغا بارغان بىرىنچى كۈنىلا يەنە بىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزغۇ. رەسمىي ئىشقا چۈشتىڭىزمۇ يا؟ — يولغا قاراپ تاقىتى تاق بولغان دىلداربىكە ئۇ قايتىپ كەلگەندە باتىنىغاندەك
قىلىپ، تونىنى سالدۇردى. — يوقسۇ ئانىسى. ئىشقا تېخى چۈشۈمدىم. بۇغراخاننىڭ تەكلىپىنى يىرالماي ئۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك تاماققا داخل بولۇپ قالدىم. كېيىن مەدرىسەلەرگە بېرىپ تالىپلار بىلەن كۆرۈشتۈم. قانداقمۇ سىلەرنى ئۇنتۇپ قالاي؟ دىلداربېكە ئۇنىڭغا گۈللۈك كىمخاپتىن ئىشلەپ تىككەن جىلىتنى كۆرسەتتى. — كىتاب ئۈچۈنمۇ؟ رەھمەت ئانىسى. بەك چىرايلىق تىكىلىپتۇ، — دېدى ئۇ خۇش بولۇپ. — يەنە قانچىنى تىكسەم بولىدۇ، ئاتىسى. — يەنە ئالتەنى بېكەم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بەگىيۈسۈپكە خۇشاللىق، ئارامبەخش ئېتىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. قەھرىتان قىش چىقىپ، كۆكلەم كەلدى. ئىنچىكە تەييارلىنىپ، يەتتە نامدار خەتتات كۆچۈرگەن يەتتە نۇسخا كىتاب ئالتۇن ھەل بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» دەپ يېزىلغان يەتتە نەپىس مۇقاۋىغا ئېلىندى. بەگىيۈسۈپ كۆچۈرۈپ چىققان، شىرازلانغان، مۇقاۋىغا ئالغان دەۋكار ئۇستىلارغا تون يېپىپ ئات مىندۈردى. ئۇلارنى دىلداربېكە تىككەن يەتتە كىمخاپ جىلىتقا سېلىپ، ئۆينىڭ تۆرىدىكى ئويۇققا تىزىپ قويدى…
4
بۇغرا قاراخان ئۆمەر ئارسلانخان تەختتە ئۇزاق ئولتۇرالمىدى. ئۇنىڭغا چاپلاشقان باش ئاغرىقى ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا، رۇم، باغدات، قەشقەردىن تەكلىپ قىلىپ كەلتۈرگەن تېۋىپلارنىڭ جىددىي داۋالىشى نەتىجىسىدە، بىر مەھەل ساقايغاندەك قىلسىمۇ، قىرىق نەزىرىسىنى ئۆتكۈزۈپ، بالاساغۇنغا بېرىشىغا يەنە قوزغالدى. ئۇنىڭ سەلجۇقىيلارنى
يېقىپ خۇراسان، ھىندىستاننى ئېگىلەش، باغدات، رۇم شەھەرلىرىگە يۈرۈش قىلىش، دۇنيادا ئەڭ چوڭ جاھانگىر پادىشاھ بولۇشتەك شېرىن خىيالى يوققا چىقتى.
تېۋىپ - ھۆكۈمالار ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىنى ھەددىدىن زىيادە خىيالغا بېرىلىشتىن پەيدا بولغان، دەپ بېكىتىشتى.
ئۇ ھەقىقەتەن كىچىكىدىن تارتىپلا خىيالپەرەس ئىدى. سۇلايمان پەيغەمبەردەك ئىنس - جىن، شامال، ھاشارات، ھايۋانلارغىمۇ پادىشاھ بولۇش ئارزۇسىدا ئاجايىپ شېرىن ئويلارغا بېرىلەتتى. بالدۇرراق تاج كىيىپ، تەختتە ئولتۇرۇپ، جەڭگاھلاردا جەۋلان قىلىشنى، رۇستەمىدەك نام چىقىرىپ، دۇنيادىكى گۈزەل ئاياللارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىشنى ئىستەيتتى. لېكىن، ئۇ خان بولالماي شاھزادە بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىغا ئاچچىقلىناتتى. ئۇ بارغانسېرى كۆڭلىدىكىنى تېشىغا چىقىرالماي ئەسەبىيلىشىپ كەتتى. ھەممىلا نەرسىگە ئاداۋەت تۇتۇپ، گەپ قىلماي خىيالچان يۈرىدىغان بولدى. ھەتتا خاتۇن - چۆرىلىرى بىلەنمۇ كارى بولماي بالىلىق بولالمىدى. نەتىجىدە نېرۋىلىرى قالايمىقانلىشىپ، ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. «شامال دارىپتۇ، ئالۋاستى، جىن ئۇرۇپتۇ» دەپ، ئۇنى ئۇستا داخانلارغىمۇ ئوقۇتتى. پىرىخۇنلارغا ئايلاندۇرۇپ پىرە ئوينەتتى. ساقايمىغاندىن كېيىن يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىغان مەھمۇد ئارسلانخان ئاتالغان تېۋىپلەرنى يىغىپ داۋالاتتى. ئۇ ۋاپات بولۇپ، تەختكە چىققان بۇ كېسەلمەن خان ساقىيالماي داد - پەرياد چىكىپ ئاخىر غالجىر بولۇپ قالدى. قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، قارا سوغۇقتا ئۆلۈپ كەتتى. ئاتىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.
دىۋانى ھاجىپ، دىۋانى ئارىز، دىۋانى توغرائى ۋە بۇغراخان جەمەتىنىڭ مويسىپىتلىرى كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش بىلەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىرىنچى سۇلايمان ئارسلانخاننى
قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بۇغراخانلىقىغا بەلگىلەندى.
تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى نورۇز بايرىمى كۈنى ئوردا ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، باھار قۇياشىنىڭ زەرگەر نۇرى مۇنبەردىكى ئالتۇن تەختنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرغان چوڭ كۆلنى ھال رەڭگە كىرگۈزگەنىدى. ئالتۇن تاش ئورنىتىلغان بۇغرا تۆگىنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ جىمىرلاپ تۇرغان سۇ يۈزىدە بەھەيۋەت كۆرۈنەتتى. كۆل ئەتراپىدىكى يول ۋە سەينا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. كۆل بويىغا ئېسىلغان چوڭ داش قازانلاردا نورۇز ئېشى كۆجە قايناۋاتاتتى. بىر چاغدا ئوردا ئىشىكىنىڭ ھەيۋەتلىك پەشتىقىدا شادىيانە ياڭراپ كەتتى.
ئوردا ئىشىكى ئېچىلىپ، بېشىغا ئاق قالپاق، ئۈستىگە قىزىل چېكمەندىن تون كىيىپ بەلبېغىغا خەنجەر قىستۇرغان توققۇز ئەلەمدار پادىشاھلىق تۇغلارنى لەپىلدىتىپ چىقىپ كەلدى. ئارقىدىن قىرىق شادىيانىچى ناغرا - سۇناي، بۇرغا - كىنايلارنى چالغان ھالدا نامايان بولدى. قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ كۆتۈرگەن يېشىل كىيىملىك، كۆك قالپاقلىق ئۈچ يۈز ئاتمىش جاندارلار بىلەن ئالتۇن گۈرزىنى ئوينىتقان توقسان توققۇز ھۆرمەت قارائۇللىرىنىڭ ھەيۋەتلىك سېپى كۆرۈنگەندە، ھاياجانلانغان خالايىق بويۇندىشىپ دەۋرەپ كەتتى. ئاندىن بوز ئاتقا مىنگەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان ۋەزىر - ۋۇزۇرا، ھاجىپلىرى بىلەن چىقىپ كەلدى.
— شاھىنشاھ بۇغراخانغا بارىكاللا! — دېگەن ئاممىنىڭ ساداسى پەلەككە كۆتۈرۈلدى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان بىلەن بىللە بەگىيۈسۈپ، شەيخۇلىسلام نۇرىدىن داموللا ھاجى، ۋەزىر - ۋۇزۇرالار، ھۈسەيىن پەزۇللا ئىبنى خەلەپ باشلىق ئالىم - ئۆلىمالار ھۆرمەت كۆرسەتكەن ئاممىغا سالام بېرىپ، مۇنبەرگە چىقتى.
بۇ كاتتا مەرىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىش تاپشۇرۇلغان
بەگىيۈسۈپ قول ئىشارىتى بىلەن چېلىنىۋاتقان شادىيانىنى توختاتتى. ئۇ مۇنبەر ئالدىغا ئۆتۈپ ئاۋامغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىپ ئەرتۇغرا، ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادى بولغان قېرىنداش، قېرىنداش ۋەتەنداشلىرىم، قۇتلۇق نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك! — دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن.
— ئادىل پادىشاھىمىز بۇغراخان ئامان بولسۇن!
— بەگىيۈسۈپ ئامان بولسۇن! — دەپ چۇقان كۆتۈردى خالايىق.
— بۇ قۇتلۇق كۈندە تاج كىيىپ تەختتە ئولتۇرۇش ھەزىرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالىيلىرىدىن باشلىنىپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تۇغۇلغانىكەن، ئۆلمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. شاھمۇ، پۇقرامۇ، بايمۇ، گادايمۇ ئەجەل شارابىنى ئىچىدۇ. ئاللا نەزىرىدە ھەممە ئادەم باراۋەر. كۈچ-قۇدرىتى، بىلىمى، بايلىقى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزارتالمايدۇ. مەھمۇد ئارسلانخان ئورنىغا بۇغرا قاراخان بولغان ئۆمەر تېگىن بېداۋا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ۋاپات قىلدى. دىۋانى ھاجىپ، دىۋانى ئارىزمۇ، دىۋانى توغرائىي بىرلىكتە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، بۇغراخان جەمەتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئوردۇكەنت دىيارىغا بۇغراخان بولۇپ كېلىۋاتقان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ھارۇن ئارسلانخاننى پۈتكۈل قاراخانىيلار خانلىقىغا بۇغراخان قىلىپ تەيىنلەپ، تاج كىيدۈرۈپ تەختتە ئولتۇرغۇزۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلايمەن! ھازىر شەيخۇلىسلام مەۋلانا نۇرىدىن داموللا ھاجىم تاج كىيدۈرىدۇ، — دەپ ئېلان قىلدى بەگىيۈسۈپ.
ساقىلى ئاق بۇلۇتتەك نۇرىدىن داموللا ھاجى ئالتۇن پەتنۇسقا سېلىپ بەگىيۈسۈپ سۇنۇپ بەرگەن ئالتۇن تاجنى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا كىيدۈردى. ئارقىدىن بەگىيۈسۈپ شاھانە زەر ياقىلىق توننى كىيدۈردى.
— ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخانغا مۇبارەك! ئادالەت قۇدرەت
تاپقاي! دەپ مۇبارەكلەيدى تەۋرەنگەن خالايىق.
تاج كىيگەن ئەبۇئەلى ھەسەن بۇغراخان تەخت پايىسىگە پۇت قويغان ھالدا ئوڭ قولىدا قۇرئان، سول قولىدا قىلىچنى تۇتۇپ قەسەمياد قىلدى.
ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھۇئەكبەر! يېقىننىڭ بۇغراخان بولۇشى ئاللانىڭ ئىلتىپاتىدىن، ئۆزىنىڭ ھىمايىسىدىندۇركى، ئۆز خاھىشىمدىن ئەمەستۇر. مېنىڭ خاھىشىمچە بولغاندا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاددىي نۆكىرى بولۇپ، بۇغراخانغا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان، ئۆزىنىڭ بەخت سائادىتىنى جان تىكىپ قوغدىغان بولاتتىم. ھېلىمۇ ھەم ساداقەت كەمرىنى مەھكەم باغلاپ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئادالەتنى قەتئىي جارى قىلدۇرىمەن. خەلقنىڭ شاد ئامانلىقىنى ھەر ۋاقىت قوغداپ، ياۋنى ھېچ تەرەپتىن ئەلگە يولاتمايمەن. مۇبادا كۆرە تۇرۇپ خەلققە زۇلۇم قىلسام، ئەلنىڭ غېمىنى يېمەي يېيىش ئىچىشكە بېرىلسەم، ئورنۇم تەخت ئەمەس، جازا مەيدانى بولسۇن. مۇشۇ ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھۆكمى بويىچە مانا شۇ قىلىچ بىلەن بېشىم چېپىلسۇن. ئاللاھۇئەكبەر!
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخانغا تەڭرى مەدەتكار بولغاي!
پادشاھنىڭ ئامانلىقى خەلقنىڭ سائادىتى! دەپ ئالقىش ياغدۇردى كۆپچىلىك.
بەگىيۈسۈپ كىمخاب جىلىتقا سېلىنغان «قۇتادغۇ بىلىك»نى باش ئۈستىگە كۆتۈرگەنچە بېرىپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخانغا ئىككى قوللاپ سۇندى.
بۇغراخان ئالىيلىرى، تاج كىيىپ تەختتە ئولتۇرغان بۇ قۇتلۇق دەقىقىدە، ئەجداد ۋە ئەۋلادلارنى كۆزدە تۇتۇپ يازغان «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق بۇ كىتابىمنى ئۆزلىرىنى مۇبارەكلەپ تەقدىم قىلىمەن. ئۆزۈم ۋە ئەۋلادنى ئىسلاھ قىلىپ، ئادالەتنى
جاری قىلدۇرۇشتا، سودا - سېتىقنى راۋاجلاندۇرۇپ ئەلنى بېيىتىشتا پايدىسى تەگسە ئارمانغا يەتكەن بولاتتىم!
- رەھمەت ئۇستاز. بۇ ھېكمەتلىك كىتاب ماڭا دائىمىي ھەمراھ بولغاي، - ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان كىتابنى جىلدىدىن ئالدى - دە، ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاۋامغا كۆرسەتتى. «قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن نام كۈن نۇرىدا يالتىراپ چاقنىدى.
- رەھمەت بۈگۈ بىلگە، بوغۇغ.
- بۈگۈ بىلگەگە شان - شەرەپلەر بولسۇن! - دەپ چۇقان سالدى خالايىق. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان «قۇتادغۇ بىلىك»نى جىلتا ئىچىگە سالدى ۋە كۆتۈرگىنىچە تەختتىن چۈشۈپ مۇنبەر يېنىغا ئېلىپ كەلگەن بۇغرا تۆگىگە مىندى. ئاندىن ئالتۇن تاۋاقتا ئېلىپ كەلگەن پىيالىدىكى نورۇز ئېشى كۆجىگە ئېغىز تەگكۈزۈپ بەردى. توققۇز چوڭ تاش قازاندىكى كۆجە بۇ مەرىكىگە يىغىلغان ئاۋامغا بىر چۆمۈچتىن ئاران يەتتى. ھەربىر تاش قازانغا، بەش تۆگە، ئون ئۈچ كالا، يەتمىش قوينىڭ گۆشى، بۇغداي، گۈرۈچ، قوناق، ئارپا، ماش، نوقۇت قاتارلىق ئاشلىقنىڭ ھەربىرىدىن توققۇز چارەك، سەۋزە، چامغۇرنىڭ ھەربىرىدىن ئوتتۇز ئۈچ چارەكتىن سېلىنغانىدى…
- بەگىيۈسۈپ، - دېدى كۆجىگە ئېغىز تەگكەن ھۈسەيىن پەهلۋان ئىبنى خەلەپ، - كىتابلىرىنى بۇغراخان ئالىيلىرىغا تەقدىم قىلغانلىرى ناھايىتى ھېكمەتلىك ۋەقە بولدى. ئۇنىڭ كۆچىگە كۆچ، نىيىتىگە يۈكسەك ئارزۇ قوشۇلغاي. سىز تىلىكىڭىزگە يەتتىڭىز. مەنمۇ بىنارمان كۆز يۇمىدىغان بولدۇم، - ئالىم ئۇنى يەنە بىر قېتىم قۇچاقلىدى.
- ئۇستاز، سىلى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈلا. ئونلىغان، يۈزلىگەن بۈگۈ بىلگە، بوغۇغلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىلا، چۈشۈمگە شۇنداق ئايان بولۇۋاتىدۇ. بۇ كىتابىمنىڭ كۆچۈرۈلگەن بىر
نۇسخىسىنى ھەزرەتلىرىگە يادىكار قىلىمەن. — ئاللاھۇئەكبەر! قوبۇل قىلدىم. چۆلدەرەپ قالغان كۆڭۈل ئېيتىزىم ئەمدى ياشنايدىغان بولدى، بەگىيۈسۈپ. قاچان تاپشۇرۇۋالىمەن؟ — سەل تۇرۇپ، بىزنىڭ غېرىب خانىمىزغا كۆك چۆچۈرىسىگە ئېغىز تەگكىلى بارغاندا. بەگىيۈسۈپ ئۇستازى بىلەن، شادىيانىنىڭ ياڭراق ساداسى ئاستىدا، تاج كىيىپ تەختتە ئولتۇرغان پادشاھنىڭ شەرىپىگە ساما ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقان ئاۋامغا قاراپ خوشاللىققا چۆمدى. باھار قۇياشى ساما سېپىلىۋاتقان تۆمەنلىگەن ئاۋامنىڭ تىنىق كۆلىدىكى بەھەيۋەت كۆلەڭگىسىنى تاما those قىلىپ چاقنىماقتا. ئىككى ئالەمنىڭ كۆلكە ئوينىغان چىرايىمۇ ئاستا چايقىلىپ تۇرغان تىنىق سۇ يۈزىدىكى سېھىرلىك سايىلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.
يىگىرمە توققۇزىنچى باب: يۈكسەك مەرتىۋە، قۇتلۇق ئارزۇ
1
ھەر كۈنى بەگيۈسۈپ بىلەن كۆرۈشمەي قالمايدىغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان، بىر ھەپتىدىن بېرى ئۇنىڭغا قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. يەنە ئۈچ كۈن ئۆتتى، سارىيىغىمۇ چاقىرتىمدى. بەگيۈسۈپ بۇنىڭدىن ئەجەبلەندى ھەم سەل غەلىتە بىر ھېس قىلدى. ئەجەبا، رەنجىمدى. «كىتابىمنى كۆرۈپ ماڭا ئەقىل ئۆگەتمەكچى بوپتۇ - دە، بۇ ھاجىپ. شاھىنشاھ تۇرسام، مەن ئۇنىڭدىن قانداقمۇ پاراسەتسىز بولاي، دەپ ئاچچىقلىنىپ قالدىمۇ يا؟ ياق، ياق. مەن گەرچە بىر ھاجىپ بولساممۇ، خان بۇ چاغقىچە ئۇستاز ئورنىدا كۆرۈپ ئەزىزلەپ كەلدى. لېكىن، مەن ئۇنى ھېچقاچان شاگىرت ئورنىدا كۆرۈپ باقمىدىم. شاھىنشاھ بىلىپ ھۆرمەتنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئالدىدىن توغرا ئۆتمىدىم. ئۇ كىتابنى تەقدىم قىلغىنىمدىن مەمنۇن بولۇدۇكى، خاپا بولمايدۇ. بەلكىم بۇغراخان جەمەتتە سىرتقا دېگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولسا، كۆرۈشۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىغاندۇ ياكى دۆلەت ئىشى بىلەن ئالدىراشتۇ ۋە ياكى كىتابنى ئوقۇپ بولالمىغاندۇ…»
بەگيۈسۈپ شۇ ئويلار بىلەن يەنە بىر كۈننى ئۆتكۈزدى.
بۈگۈن ئوردىغا كېلىپ ھاجىپلىق كۆرسىدە ئولتۇرۇپ، مەلۇماتنامە، ئەرز، ئىلتىماسلارنى كۆرۈۋاتاتتى. ئىشىك ئېچىلىپ ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان كىردى. ھاجىبۇل ھۇججاب ئارتۇچى
ۋە ھاجىپلار نېمە قىلارىنى بىلمەي پاتىپىراق بولۇپ كېتىشتى. پەقەت بەگىيۈسۈپلا تەمكىن ھالدا سالام بەردى.
— ئولتۇرۇڭ ئۇستاز، ئولتۇرۇڭ، — بۇغراخان ئېتتىك كېلىپ كۆرۈشۈپ ئۇنى ئولتۇرغۇزدى، — سىز بۇ دۇنيادىكى ھەممە شاھلار سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان بۈيۈك بىلگە، بۈيۈك، شاھانە پىكىرلەرنى گۈزەل مىسرالارغا ئايلاندۇرغۇچى شائىرلار بېگىسىز. ئون نەچچە كۈندىن بېرى سىز بىلەن كۆرۈشەلمىگەن بولساممۇ، مۇبارەك داستانىڭىزنى ئوقۇپ، نەسىھەت، مەسلىھەتلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇردۇم. ئىشلار قىلىشقا ئۈندەپ، ئوتتۇرىغا قويغان چارە — تەدبىرلىرىڭىز مېنى قايىل قىلدى. مەملىكەتنى قانداق قۇدرەت تاپتۇرۇشۇم، ئادالەتنى قانداق جارى قىلىشىم، خەلققە نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشىم، نېمىلەرنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىم، سىپاھلارنىڭ روھىنى قانداق كۆتۈرۈشۈم، دۆلەت ئەربابلىرى، خىزمەتچى خادىملارنى قانداق تاللاپ، قانداق ئىشلىتىشىم، دوستلارغا سادىق بولۇپ ياۋغا قانداق زەربە بېرىشىم توغرىسىدا چوقۇر بىلىمگە ئىگە بولدۇم. دۇنيادا ماڭا ئەڭ سادىق، ئەڭ يېقىن دوست — سىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم. سىز خاس ھاجىپ بولۇشقا لايىق ئۇلۇغ زات ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم. سىز خاس ھاجىپ بولۇشقا لايىق ئۇلۇغ زات ئىكەنسىز. ئالدىڭىزغا سالام بەردىم، مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرگىلى كەلدىم. رەھمەت ئۇستاز! — بۇغراخان قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، تەزىم قىلماقچى بولدى.
دەرھال ئورنىدىن تۇرغان بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇۋېلىپ، تەزىم قىلدۇرمىدى.
— شاھىنشاھ ئىكەنلىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىلمۇ؟ سىلىدىكى شاھلىق غۇرۇرى نەگە كەتتى؟ مەن بۇ كىتابنى تىز پۈكۈپ رەھمەت ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەر قاچان قامەتلىرىنى تىك تۇتۇپ، خەلققە ئەقىللىق بېغىشلاپ، ياۋغا دەھشەت سېلىشلىرى ئۈچۈن يازغان!
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان قامىتىنى رۇسلاپ ئۇنى
قۇچاقلىدى. — جاناپلىرىغا نېمىدەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەي قالدىم، ئۇستاز. ھىممىتىڭىزگە، غەيرىتىڭىزگە ئاللا ئۆزى رەھمەت قىلسۇن! — ئالىيلىرىغىمۇ ئاللا سۆنمەس ئىرادە، جان تىكىشكىمۇ، قان چېچىشقىمۇ تەۋەككۈل قىلىدىغان جۈرئەت، دوستلارنى شاد، دۈشمەنلەرنى مات قىلىدىغان غۇرۇر ئاتا قىلسۇن! يۈرۈسلا شاھىم، بۇغراخان سارىيىغا كىرىپ مەسلىھەتمنى بېرىي. ئالىيلىرى ئەمىر قىلسىلا، پەرمان بېرىسلا. يارلىق چۈشۈرسىلا، — دېدى بەگىيۈسۈپ. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان بەگىيۈسۈپ بىلەن بىللە بۇغراخان سارىيىغا كىردى. — ئەمدى تەختكە چىقىپ ئولتۇرغايلا. ئۇ تەختكە چىقىپ: — مەرھابا، ئولتۇرۇڭ، — دېدى. — ياق، شاھىم مەن ئۆرە تۇرۇپ سۆزلەي، — بەگىيۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى، — بۇ كىتابىم ئەلھال بىر دۆۋە قەغەز. ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن ئەزگۈ تىلەك، ئارزۇلىرىم ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. — خودا بۇيرۇسا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ئۇستاز. — ئوردا ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلالامدىلا؟ — «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىسلاھ قىلىش ئىرادىسىگە كەلدىم، ئۇستاز. ۋەزىر، ھاجىپلارنى، سۇبېشى — سانغۇنلارنى ۋە بارلىق ئوردا خىزمەتچىلىرىنى، ھەزرىتىم يازغان شەرتلەر بويىچە تاللاپ، لاياقەتلىكلىرىنى ئۆزۈمگە قويىمەن، لاياقەتسىزلەرنى، كاززاپ، مۇناپىقلارنى ئوردىدىن تۇرغۇزمايمەن، ئۇستاز. — ئاۋام خەلققە نېمە قىلىپ بېرىدىلا؟ — ئادالەتنى جارى قىلىپ، پاراۋان تۇرمۇش ئاتا قىلىمەن،
ئۇستاز. — قانداق قىلىپ؟ — خىيانەتچىلەرنى قەتئىي جازالايمەن. نامراتلارغا خەزىنىدىن پۇل - مال بېرىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ھۈنەر - تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، باج - سېلىق ئالمايمەن. مەدرەسە، مەكتەپنى يىلسېرى كۆپەيتىپ ئاۋامنى نادانلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرىمەن. ئارنى بۇزغان، سۇخىنىچىلىق قىلىپ ياخشى كىشىلەرنى قارىلىغان قارا نىيەتلەرنى قارا زىندانغا تاشلايمەن، ئۇستاز. شۇ نىيەت، شۇ ئىستەككە كەلدىم. ئادالىتىم ئەلگە خۇشاللىق، جاسارىتىم ياۋغا ئۆلۈم بېخىش ئەتكۈسىدۇر. — خىيانەتچى ئالىيلىرى؟ — تەختىمنى گۇمران قىلغۇسىدۇر. — بۇنى بىلگەن بولسىلىرى، داستانىمنى ئالىيلىرىغا تەقدىم ئېتىپ توغرا قىلىپتىمەن. ئىشەنچ - ئۈمىدىم يەردە قالغۇدەك ئەمەس. — زىنھار ئۇستاز، زىنھار، ماڭا بېباھا تۆھپە بولغان شاھلىق دەستۇرىنى تەقدىم قىلدىڭىز. ئادەمنىڭ قىممىتى ئەمگەك - ئەجىردە. بىر ئۆمۈر ئۆگىنىپ ئىزدەنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاۋام تىلى بىلەن ئەمەس، گۈل - گىياھلارنى يەلپۈندۈرگەن تاڭ شامىلىدەك گۈزەل سېھرلىك شېئىرىي تىل بىلەن يېزىپ چىقىپسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن جېنىڭىزنى كۆپ ئاۋارە قىپسىز. پىيادە جاھاننى ئايلىنىپ چىققاندىنمۇ بەكرەك جاپا چېكىپسىز. كۆتۈمىگەندە ماڭا تەقدىم قىلىپ ھاياتىمدىمۇ، مەملىكىتىمدىمۇ ئۆزگىرىش قىلماقچى بولۇۋاتىسىز. مەن رەھمەت - ھېشقاللا ئېيتىساملا كۆپايە قىلماس. پېقىرنى شاگىرت ھېسابلاپ كۆڭلىڭىزدىكىنى ئېيتىپ بېقىڭ. بۇ بېباھا تۆھپىڭىزگە مەملىكىتىمنىڭ باي - باياشات، گۈزەل مۆنبەت بولغان دىيارىدىن بىرنى بېرەيمۇ ياكى ئاشۇ مۇبارەك كىتابنى يازغان ئۆيىڭىزنى ئالتۇن تىللا، جاۋاھىرات بىلەن تولدۇرۇپ
بېرىمۇ؟ ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان تەختتىن چۈشۈپ بەگىيۈسۈپنىڭ ئالدىغا كەلدى، قايسىسىنى خالايسىز؟
يوقسۇ يوقسۇ، ئالىيلىرى، ئەجىر تۆھپىنىڭ قىممىتىگە ھېچكىم يېتەلىگەن ئەمەس. تۆھپىنىڭ قىممىتى ۋەەتەن، خەلققە يەتكۈزگەن پايدا مەنپەئەتتە. ئالىيلىرىغا بۇ تۆھپىنى تەقدىم قىلىشىم ھەق ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، دۇنيادا ۋەەتەن، خەلقىمنىڭ موھتاج بولماي، خاتىرجەم، مەردانە ياشىشى ئۈچۈندۇر. بۇ ئالىيلىرىنىڭ پاساھىتى، جاسارىتىگە باغلىق، بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇردى.
ئىشەنچىڭىزگە داغ چۈشۈرمەيمەن، ئۇستاز. بۇنىڭدىن گۇمانلانمىغايسىز. ئەجرىڭىزگە بېرىلگەن ھەقنى ئەمەس، شاگىرتىڭىزنىڭ ھەدىيىسىنى قوبۇل قىلغايسىز، ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان سەمىمىي ھالدا يەنە بىر قېتىم ئۆتۈندى.
بۇغراخان ئالىيلىرى، يىپەكنىڭ كاتتا زەردار ئائىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئۆزلىرىگە مەلۇم. يىپەك بىھاجەت. يىپەككە شۇنچە ئىنئام قىلغۇلىرى كەلگەن بولسا، ئاتىلغان ئالتۇن جاۋاھىراتلارنى ئوردوندا مەدرىسە مەكتەپ سېلىشقا خەرج قىلسۇنلەر. خانلىقىمىزنىڭ ئۇ گۈزەل دىيارىدا ئۈزۈلمەي جەڭ بولۇپ، خەلقى نامراتلىشىپ قالغان، يېزا كەنتلەردە ئۈستەك ئېغىرلىق ئاز. باغبارانلىرىنى قۇم باسماقتا. دەريالىرىدا كۆۋرۈك يوق. باج سېلىقنى كۆتۈرۈۋېتىپ، ئىرادىلىك، ئىشچان ئودۇن خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرسىلا. بۇ تەكلىپىمنى قوبۇل قىلسىلا، ئۆزلىرىگە تەقدىم ئەتكەن داستانىمغا سەرپ قىلغان ئەجرىم بىكار كەتمىگەن بولىدۇ، تەختلىرىدە ئولتۇرۇپ جاۋاب بەرسىلا.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان باش لىڭشىتىپ تەختىدە ئولتۇردى:
قوبۇل قىلدىم، ئۇستاز، ئون بەش يىل ئىلگىرى جاكارلانغان پەرمانىمدا ئوردۇكەنت دىيارىغا قاراشلىق شەھەر،
ئايماق، قىشلاقلارنى تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتا كۈلپەت چېكىۋاتقان پۇقرالاردىن ئون يىلغىچە باج - سېلىق ئالماسلىقنى ئەمر قىلغاندىم. بۇ پەرمانىم ئۈچ يىلدا ئىجرا قىلىنىپ، غەيرەتكە كەلگەن خەلق بېيىپ، يۇرت ئاۋاتلاشتى. ئەمدى بۇ پەرمانىمنى پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلاپ ئىجرا قىلىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرسەم رازى بولامسىز ئۇستاز؟
— ئەلۋەتتە، مانا بۇ يىقىرنىڭ ئەجرىگە بېرىلگەن مىننەتسىز ھەقتۇر، — بەگىيۈسۈپنىڭ چىرايىدا خوش تەبەسسۇم پەيدا بولدى.
— جاناپلىرىغا ئاتىغان ھەدىيەنى ئۆدۈندە مەكتەپ — مەدرىسە سېلىش، ئۈستەك — ئېرىق چېپىش، يول ياساشقا سەرپ قىلاي. بۇنىڭغا ئۆزىڭىز نازارەت قىلغايسىز، ئۇستاز.
— خەلقنىڭ ھالىغا يېتىش پادىشاھنىڭ سائادىتى، — بەگىيۈسۈپ بۇ سۆزى بىلەن بۇغراخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ دېدى، — ئالىيلىرى، ئۇزاقتىن بېرى ئارزۇ بولۇپ كۆڭلۈمدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر تىلىپىم بار. بۇرۇنراق سەمىلىرىگە سېلىپ قويۇشنى توغرا تېپىۋاتىمەن.
— ئېيتىڭ ئۇستاز، ھەرقانداق تىلىپىڭىزنى ئورۇنلايمەن.
— بۇ ئالىيلىرى بېجىرىدىغان تەلەپ ئەمەس، ئىجازەت قىلسىلا بولدى.
— قولۇم سىزدە، ئەلۋەتتە ئىجازەت قىلىمەن.
بەگىيۈسۈپ قول باغلاپ سۆزىنى باشلىدى:
— ئامۇ، سىر دەريالىرىدىن ئورخۇن ۋادىلىرىغىچە، ئېمىل، ئېرتىش بويلىرىدىن، قاراقورۇم، تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىگىچە سوزۇلغان بايان جادالار يىقىرنى چاقىرماقتا، ئالىيلىرى. بىر ئارىلاپ چىقاي دەيمەن. تاشلىرىنى خىرەلەشكەن كۆزۈمگە سۈرتكۈم، سۇلىرىغا چۆمۈلۈپ چاڭقىغىمنى باسقۇم، خوش ھاۋا دالالىرىدا توپىلىرىغا مىلىنىپ، بۆرىدەك ھۇۋلاپ، بۆجەندەك تاقلاپ يۈرگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئېگىز قارلىق تاغلارغا
چىققۇم كېلىپ تۇرالماي قالىمەن. ئاھ! بۇ ئەزىز تۇپراقنىڭ قۇم - توپىسىغا قوشۇلۇپ كېتىش - ئاخىرقى ھېسابتا سائادەتتىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكىنىمدە، بەرگەن تۇزى، ئېرىشتۈرگەن ئورۇن - مەرتىۋە، كۆرسەتكەن راھەت - پاراغەتكە نىسبەتەن سىغدۈرگەن ئەجرىم، تۆھپەمنىڭ شۇنچە ئاجىزلىقىدىن قانداقمۇ ئۆكۈنمەي؟ ياشانغان چېغىمدا ۋەتىنىمنى، خەلقىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگۈم، بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ. قانداق تەلەپ، تىلەكلىرى بار؟ ئاڭلاپ بېجا كەلتۈرەي دەيمەن. شۇڭا، پۇرسەت كەلگەندە بىر ئايلىنىپ كەلگۈم بار. بەلكىم بۇ قۇتلۇق سەپەر يەنە بىر تۆھپە يارىتىشىمغا سەۋەبچى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
- ماشائاللا - ماشائاللا، ئۇستاز، تىلىپىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن. مەن قوشۇلدۇم. ئۆزىڭىز خالىغان ۋاقىتتا ئادىلاردى بىر ئايلىنىپ چىقىڭ. ئاۋامغا بولغان ئادالىتىڭىز يېتەرسىز، جاسارىتىڭىزنىڭ كامىللىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئاچچىق تەنبىھ، ياخشى مەسلىھەت بىلەن قايتىپ كېلىشىڭىزگە ئىشىنىمەن كامىل، - ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان كۆڭلىدىكى بۇ سۆزىنىمۇ ئونىڭغا ھاۋالە قىلدى، - ئابام، سىگلىمنىڭ بۇخارادا ئىكەنلىكى سىزگە ئايان، ئۇستاز. ناۋادا، ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسىڭىز پەرىزەتلىك سالامىمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىز. ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغىنىم ئۈچۈن پۇشايمىنىم كۆپ.
- خودا خالىسا پۇرسەت كېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىپ قالسام، بۈزرۈكۋار مىلىكە خانىمىزنىڭ سالامىنى ئېلىپ كېلىمەن، - يۈسۈپ قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى.
- ئۇستاز، خاس ھاجىپ بولغانلىقىڭىزنى تېخى جاكارلىغىنىم يوق. چۈشتىن كېيىن ئاۋۋال ئوردا ئەھلىگە، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە جاكارلاپ، بايا سىزگە ئېيتقىنىم بويىچە يارلىق چۈشۈرمەكچىمەن. قاتنىشىپ بەرمەمسىز!
- ياق دېسەمچۇ؟ بۇنداق داۋراڭ قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى
بار؟ — غۇرۇرۇمغا تەگدىڭ، ئۇستاز. مەن پادىشاھمەن. ئۆتۈنمەيۋاتىمەن، ئەمر قىلىۋاتىمەن. چوقۇم قاتنىشىشىڭىز كېرەك. داۋرانىڭ قىلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى باركى، ياماندىن ئەل بېزار، ياخشىغا ئىنتىزار. — خوب ئالىيلىرى، قاتنىشاي، — بەگىيۈسۈپ كۈلۈمسىرىگەن پېتى سارايدىن چىقىپ كەتتى.
2
ئالىمغا «خاس ھاجىپ» نامىنى بېرىش يىغىلىشى بۇغراخان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋەزىر، ھاجىپلار، شەيخۇلىسلام، قازى — قۇززاتلار، ئارسلان، كۆك بۆرە، كۆك ئايىق، چاغرىبەگ نامىنى ئالغان سانغۇن، سەرگەردىلەر، ياساۋۇل باشلىرى، ئەلەمدار — قەلەمدارلاردىن ئىبارەت بارچە ئوردا ئەھلىدىن باشقا، ھۈسەيىن پېزلۇللا ئىبنى خەلەپ، مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرىي قاتارلىق پايتەختتىكى ئاتانغان ئالىم — مۇدەررىسلەرمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقانىدى. تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قادالغان خانلىق تۇغىنىڭ ئالدىغا يۆلەنچۈكلۈك يېڭى كۇرسى ① قويۇلغانىدى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان بەگ يۈسۈپنى شۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. سارايغا تولۇپ ئولتۇرغان ئوردا ئەھلى باش ۋەزىرنىڭمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان بەگىيۈسۈپكە ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ھۆرمەت يۈزىسىدىن قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ پېرمانى ئالىيغا قۇلاق سالدى.
① كۇرسى — ئورۇندۇق.
«ئاللا ئەزىز قىلغان بەندىنى ھېچقانداق كۈچ خار قىلالمايدۇ. ئاللا خار ئەتكەن بەندىنى ھېچقانداق كۈچ ئەزىز قىلالمايدۇ.
مەۋلانا بەگىيۈسۈپ ئادالەت، ھەققىانىيەت تەرەپتە چىڭ تۇرۇپ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ راۋاجلىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن نەچچە ئون يىلدىن بېرى بەجاندىل خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئارىسى بۇزۇلغان قەۋملەرنى ئىتتىپاقلاشتۇردى. دىن، مەرىپەتنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاسىي، سويقەستچىلەر ئونى زىندانغا تاشلاپمۇ باش ئەگدۈرەلمىدى. ھاجىپ، ھاجىبۇل ھۇججاپ بولۇپ، ئۇزاق يىللار داۋامىدا پادىشاھ بىلەن خەلقنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، بىر چوڭ ئائىلىدىكى غەمخار ئاتا - بالىلارغا ئايلاندۇردى. بىر قانچە قېتىم يالۋاچ بولۇپ قوشنا ئەللەرگە چىقىپ ئاداوەتنى تۈگەتتى. دۈشمەنلىكنى دوستلۇققا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ ئورۇنلۇق ۋە پايدىلىق مەسلىھەت، ئەزگۈ تىلەكلىرى بىلەن مۇۋاپىق، توغرا سىياسەت تۈزۈلۈپ، ئەمىر - پەرمانلار چىقىرىلىپ، ئېلىمىزدە نامراتلىق تۈگەپ، نادانلىققا ئورۇن قالدۇرۇلمىدى. شۇڭا، ھېچقايسى ۋىلايەت، ئايماق، قىشلاقلاردا قارشىلىق، توپىلاڭ يۈز بەرمىدى. بىھۇدە قان تۆكۈلمىدى. ئۇ ھامان ساداقەت كۆرسىتىپ، بۇغراخاننىڭ يېقىن دوستى، مەسلىھەتچىسى، خەلقنىڭ غەمخارى بولۇپ كەلدى. تاج كىيگەن كۈنى ئاتام ئالدىدا ماڭا تەقدىم قىلغان «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى خانلىقىمىزنىڭ ئەمەل قىلىدىغان دەستۇرى بولۇپ قالغۇسى. مەن بۇ ۋاقىتقىچە ھېچقايسى پادىشاھ ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن، تۆھپىكار ئەربابىغا بېرىپ باقمىغان <خاس ھاجىپ>① نامىنى مەۋلانا بەگىيۈسۈپكە بەرمەكچىمەن. بۈگۈندىن باشلاپ يۇغرۇش بېشى، يۇغرۇشلار، ھاجىبۇل ھۇججاپ، ھاجىپلار، ئۇلۇغ
① خاس ھاجىپ — تارىخىي، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىزاھلىشىچە، بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى تۈركچىسى تايانغۇ، يەنى سەلتەنەت تايانچى، دۆلەت تۈۋرۈكى دېمەكتۇر.
سانغۇن، سەركەردىلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق تۇتقاي، ئۇنىڭ ئەمرىنى بېجا كەلتۈرگەي، ئۇنى ھۆرمەتلىگەي. پەرمان تامام ۋەسسالام! قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ خاقانى شاھىنشاھ ئەبۇ ئەلى ھەسەن ھارۇن بۇغراخان بىننى سۇلايمان ئارسلانخان»
ئۇ تەختتىن چۈشۈپ پەرماننى ئالىمغا ئۇزارتتى. بەگىيۈسۈپ قوش قوللاپ ئېلىپ باش ئۈستىگە كۆتۈردى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان مىسىرنىڭ يىپەك شايىسىدىن ئالاھىدە تىكتۈرۈلگەن خاس ھاجىپلىق تونىنى ئۇنىڭغا كىيدۈردى. مەرھۇم بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ سەللىسىنى بېشىغا ئوراپ، ئالتۇن ساپلىق خەنجەرنى بەلبېغىغا قىستۇرۇپ قويدى. پادىشاھ بىلەن ئالىم قۇچاقلاشتى. ئۇلارنىڭ پاك قەلبى بىرلەشتى. ھەممىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بەگىيۈسۈپنىڭ خاس ھاجىپ بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئاپىرىن ئوقۇشتى. — مۇبارەك! مۇبارەك! يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بارىكاللا! — دېگەن سادا ئوردا ئىچىنى كۆتۈرۈۋەتتى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئۇنىڭ شەرىپىگە كاتتا بەگ تەرەكسى ئۆتكۈزدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئالىم بەگىيۈسۈپ — «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. ئۇ ھەر كۈنى چۈشكىچە ئوردىدا بولاتتى. دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرەتتى. چۈشتىن كېيىن مەدرىسىلەردە دەرس ئۆتەتتى. كەچقۇرۇندىن باشلاپ ئۆيىدە بولاتتى. يىللار شۇنداق تېز ئۆتۈۋاتاتتى. ساقىلىمۇ پۈتۈنلەي ئاقاردى. ئۇنىڭ ئەزىز ۋەتىنىنى سەيلە قىلىش ئارزۇسى خىيالىغا كىرىۋېلىپ، ئاخىرى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخانغا ئىككىنچى قېتىم ئېغىز ئاچتى: — سائىتى كەلگەندەك قىلىدۇ، ئالىيلىرى. ئىجازەت بەرسىڭىزلا.
— بۇ تەكلىپىڭىزگە بۇرۇنلا قوشۇلغان ئىدىمغۇ ئۇستاز. بىر ئايلىنىپ كېلىشىڭىزنى مەنمۇ تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، سەيلە ساياھەتتە ئىنسان ئۈچۈن ئارزۇ قىلغاندىن كۆپرەك خاسىيەت ۋە مەنپەئەت بار، — دەپ مەدەت بەردى.
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سەپەر قىلىش ئىشتىياقى كۈچىيىپ، ئۆيگە بالدۇر كەلدى. بۇ ئارزۇسىنى دىلداربېگىمگە ئېيتىپ، مەھبۇبىنى بىللە بېرىشقا سايە قىلدى:
— ئانىسى، سىلى مەن بىلەن بىللە ئاتلانسىلا. سىلىدىن ئارتۇق ھەمراھ دۇنيانى مىڭ كەزسەممۇ تېپىلمايدۇ.
— پېقىرەنىڭ سىلىدىن دەقىقىمۇ ئايرىلغۇسى يوق، ئاتىسى. مۇبادا سىلى بىلەن كەتسەم، ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان خاتۇن قىز بىمارلىرىم ئىزدەپ كېلىپ، يوقلۇقۇمنى بىلسە نېمىدەپ قالار؟ بۇ ئۆينى تاشلاپ كەتسىلى بولارمۇ؟ بالىلارغا كىم قارار؟ ئاتىسى سالامەت قايتىپ كېلىشلىرىنى خۇدادىن تىلەپ، ئارزۇلىرىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرايمىكىن دەيمەن. تارتىشماي يولغا چىقۋەرسىلە، مەن بۇ ئۆيىمىزدە قالاي.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ خاتۇننىڭ قارا چاچلىق بېشىنى مۆرىسىگە تېگىپ پىچىرلىدى:
— ماقۇل ئانىسى. سىلىنى سېغىنىپ بولساممۇ بۇرۇنراق قايتىپ كېلەرەنمەن. كۈنمۇ ئىسسىپ قالدى. سەپەرگە چىقىش ئالدىدا ئىككىمىز بىللە ئوپالغا بېرىپ شەيخ پانى بۇزرۇكبىھ تانىمىزدىن دۇئا ئېلىپ كەلسەك. بېرىپ ئەھۋال سوراپ كەلمىگىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى، سىلى بارالامدىلا؟
— پېقىرەمۇ ئۇ بۇزرۇكۋارنى سېغىنىپ قالدىم. بىر ئىككى كۈن تۇرۇپ تەرىتىمگە سۇ قويۇپ بەركۈم، چاچلىرىنى تاراپ قويغۇم بار، سىلى بىلەن بىللە باراي.
بەگىيۈسۈپ خۇشال بولدى. بىر كۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئەتىگەندە ئوپالغا ماڭماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئېلىزادەبەك كىرىپ كەلدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا، ئابا، سالامەت ئوبدان تۇرۇشقانلا؟ پات پات يوقلاپ كېلىپ ھەزرەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولالمىغىنىم ئۈچۈن خىجىلمەن، — دېدى ئۇ.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام، ئوبدان تۇردۇق. بالىلار تىنچلىقمۇ؟ — بەگىيۈسۈپ ئاۋۋال جاۋاب سالام قايتۇرۇپ، كۈيۆئوغلىنى تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.
— تىنچلىق ئاتا. سىلىدىن ئۆلار بەك خوش.
— يۈگرۈش بېشى بولغانلىرىدىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلا بالام؟
— ئانچە ئەمەس، ئاتا. ئۆزلىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىشلارنى رەتكە سېلىۋالغىنىم ئۈچۈن ئالدىراپ قالمىدىم.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئوردىدا ئەمەلدارلارنى تاللاپ خىزمەتكە قويۇشنى باشلاپلا ھەر ئىشتا چارە تەدبىرلىك ئېلىزادەگنى يۈگرۈش بېشى قىلىپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى.
دىلداربىكە داستىخان سالدى.
— ئابا، داستىخان سالماي تۇرۇسلا. مەن ئالدىراپ كەلدىم. تۈنۈگۈن كېچە تۇيۇقسىزلا بۇغراخان ئالىيلىرىنىڭ ئانىسى بۇخارادىن كېلىپ قالدى. ئورداغا كېتىۋېتىپ ئۆزلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قوياي دېۋىدىم، بۇغراخان ئالىيلىرى مېنى ئىزدەپ قالمىسۇن. مەن ئورداغا باراي، — دېدى بىر بۇردا نان بىلەن بىر پىياله چاي ئىچكەن ئېلىزادەگ.
— ئانداق بولسا بالام، سىلى بىلەن بىللە باراي.
ئۇلار دۇئا قىلىشىپ قوپۇشتى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كەلگىنىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدى. ھەرەمدىكى ئالاھىدە تەييارلانغان قەسىردە ئىبادەت قىلىۋاتقان ئايزادە تۈركەن خاتۇننىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى.
— ئالتۇن تارىم قونچۇي ئانىمىزنىڭ ئوردۇكەنتكە ئاياغ باسقىنىدىن خەۋەر تېپىپ دۇئا ئالغىلى كەلدىم، ئالىيلىرى، —
دېدى سالام بەجا كەلتۈرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
چاچلىرى ئاقىرىپ مۆكچىيىپ قالغان بولسىمۇ، تېمەن تۇرغان خانىش يۈزىگە چۈمپەردىنى تاشلاپ، ئورنىدىن ئاستا قوپتى.
— ئوردوگەنلىككە ئىككىنچى ئاياغ باسامەنمۇ دېگەندىم، خاس ھاجىپ، بالىنىڭ مېھرى ئاياغ باستۇردى. ئوغلۇم ئالدىمغا بارمىغان بولسىمۇ، مەن ئوغلۇمنىڭ ئالدىغا كەلدىم. پۈتۈن مەملىكەتكە شاھىنشاھ بوپتۇ. دىدارىنى كۆرۈپلا ئاچچىقىم يېنىپ، غەم قۇشى بېشىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. تېنچلىشىپ قالدىم. خۇداغا شۈكۈر، ئوغلۇم ئۆزلىرىدەك قاياشقا ئېرىشىپ زەپەر قۇچۇپتۇ. ئانا ئۈچۈن بالىنىڭ بەختىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك. ئاڭلىسام سەپەرگە چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
— شۇنداق، مەلىكە ئانا، تېخى بۇخاراغا بېرىپ، بۇغراخان ئالىيلىرىنىڭ سوۋغا — سالامىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرماقچىدىم. ئوردوگەنلىككە كېلىپ ئۇزۇن يولنى قىسقارتىپ بېرىپلا. بۇغراخان ئالىيلىرى ئەمدى ئۆزلىرىدىن ئەنسىرىمەي ئەلنى روناك تاپتۇرىدىغان بولدى. يېقىنقى دۇئا بېرىشلا، — بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن قوپتى.
ئايزادا تۈركەن خاتۇن دۇئاغا قول كۆتۈردى:
— ئۆتنى سەھەندەرگە، يەر يۈزىنى ئىنسانغا ماكان ئەتكەن ئى تەڭرىم، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالامنىڭ سەپىرىنى بىخەتەر، يوللىرىنى مۆنەۋۋەر، مەنزىلىنى يېقىن قىلغىن. ھەرجايدا ئەزىز ئەيلەپ، كۆڭلىنى ئەمىن قىلغىن، ئامىن!
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئوردىدىن چىققاندا، چاشكا ۋاقتى بولغانىدى.
3
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانىسى بۇۋىرابىيە ئاغىچا ئازىق
داراسىدىكى قورۇدا تۇراتتى. بىر قانچە ئىخلاسمەن بوۋايلار ۋە شاگىرتلىرى بىلەن قۇرئاننى تەپسىر قىلىپ ئولتۇرغاندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىشىكنى قاقتى. شاگىرت قىز چىقىپ ئوردۇكەنتتىن مېھمان كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
— ساراي ئۆيگە باشلاڭ بالام، — دەپ رومىلىنى يۈزىگە تاشلاپ ئولتۇردى بۇۋى رابىيە.
ئۇلار كىرىپ سالام بەردى.
— خاس ھاجىپ بالام بىلەن ئاتاساغۇن قىزىم ئىكەنغۇ. ئاسمانغا ئاي بىلەن كۈن تەڭ چىققاندەك بىللە كېلىشىپلا. مەرھابا، مەرھابا، — ئورنىدىن تۇرغان ئانا ئۆيگە باشلىماقچى بولدى.
— مەشەدە ئولتۇرايلى، بۈزرۈكۋار ئانا، ھاۋالىق ئىكەن، — دېدى بەگىيۈسۈپ كۆرپە ئۈستىگە يۆگىنىپ، دىلداربىكەمۇ ئولتۇردى.
— ھاي ئۇسسۇزلۇق كەلتۈرۈڭلار! — دېدى بۇۋى ئانا.
خىزمەتكار ئايال باغ ئىچىدىكى گەمدىن بىر كۇزا شاتۇت شەربىتى ئېلىپ چىقتى. بۈۋى ئانا ئۆزى ھىجرىلارغا قويۇپ، ئۇلارغا تۇتتى. ئۇلار ئىچىپ يۈرەكلىرى سەلگىدى.
— ئوبدان تۇرۇپلا بۈزرۈكۋار. پات پات كېلىپ خىزمەتلىرىدە بولالمىساقمۇ ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇردۇق، — دىلداربىكە ئۆزرىخاھلىق ئېيتتى.
— رەھمەت بالام. يىللاردىن بېرى ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشتىلا. ھەربىرلىرىدىن ناھايىتى مىننەتدارمەن. ئەبۇ ھەسەن بۇغراخان بالام قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئالدىنقى يىللىرى پات پات كېلىپ ھالىمغا يېتىپ كەتەتتى. بۇ يىل كېلەلمىدى. ئاڭلىسام پۈتۈن ئەلگە بۇغراخان بولغاندىن بۇيان يۇرت ئاراملىق ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇۋاتقۇدەك، ۋاقتى چىقمىغان ئوخشايدۇ. ئوغلۇم مەھمۇد تېگىننىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ بېرىمەن دېگەنىدى، يولىغا كۆپ قارىدىم، — دېدى ئۇ ياش تۆكۈپ.
— بۇغراخان ئائىلىرى ھەزرەتلىرىگە سالام ئېيتتى بۈبى ئانا. ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شاھىنشاھى بولغاندىن بېرى ئىككى قېتىم يۇرت ئارلاپ كەلدى. بىر كۈن تەختتە ئولتۇرسا، يەنە بىر كۈن ئاۋام ئىچىدە بولىدۇ. پىيادە بازار ئايلىنىدۇ، خەلق ھەقىقەتەن ئۇنى ئۆز غەمخارى دەپ بىلىدۇ. خەلقتىن ئۆزىنى قاچۇرىغان پادىشاھ — زالىم پادىشاھدۇر. زالىم پادىشاھنى ھەممە پۇقرانىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈسى كېلىدۇ. ئەبو ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئادىل پادىشاھدۇر. ئۇنى بارچە خالايىق ھۆرمەت قىلىدۇ، ياخشى كۆرىدۇ، مېھمان قىلغۇسى كېلىدۇ. — خۇدايىم ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، كۆرگۈم كېلىپ قالدى. — بۈبى ئانا، ئەبو ئەلى ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئانىسى ئايزادە تۈركەن خاتۇن بۇخارادىن كېلىپ قالمىغان بولسا، ئۇ بىز بىلەن بىللە ئۆزلىرىنى كۆرگىلى كېلىتتى. ئانىسىنى ئېلىپ پات ئارىدا كەلمەي قالمايدۇ. — خانىش ئايزادە تۈركەن خاتۇن كەپتىمۇ؟ ئوغلىنى دەپ كەپتۇ — دە. ياش چاغلىرىمدا، دائم ئوپالدا تۇراتتى. بۇ ئوپالغا بىر كەلمەي قالمايدۇ. مەنمۇ ئوغلۇم مەھمۇد تېگىننىڭ بۇ دۇنيادا بار — يوقلۇقىنى كۆزۈم يۇمۇلغۇچە بىلسەم بولاتتى. تەڭرىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن يوشۇرۇنۇۋېلىپ، قان ئىچەر جاللات مۆگۈزنىڭ قىلىچىدىن ئامان قالغاندىن بېرى، ئوغلۇمغا دۇئا قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ھەرەمگە بېرىپمۇ ئىز — دېرىكىنى ئالالمىدىم. قېرىپ كېتىۋاتىمەن، شۇ ئەزىز ئوغلۇمنىڭ دىدارىنى بىر كۆرسەم بولاتتى، كاشكى — كاشكى…، — دېدى بۇۋىرابىيە ئاغچا ئوغلىنىڭ سۇمباتلىق قامىتى كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ. — تەڭرى ھەربىر بەندىسىنى تۈرلۈك — تۈرلۈك قىسمەتلەرگە گىرىپتار قىلىپ سىنايدۇ، بۈبى ئانا. ئاتا — ئانىسى يوق يېتىم — يېسىر بالىلاردىن ئۆتۈزنى بېقىۋېلىپ، چوكا قىلىۋاتىدۇلا، يۇرت — يۇرتتىن كېلىپ ھەزرەتلىرىدىن تەلىم
ئېلىپ، موللا بولغان خاتۇن - قىزلار ئاز ئەمەس. ئوپالغا مەدرىسە، مەكتەپ سالدىلا. ئازىق داراسىنى بوستانلىققا ئايلاندۇردىلا. ئوپال خەلقىلا ئەمەس، پۈتۈن خانلىق ئەھلى سىلىنى بۈزرۈكۋار ئانا بىلىدۇ. پېقىر سەپەر قىلماقچىدىم. دۇئالىرىنى ئېلىپ يولغا چىقىش ئۈچۈن ھۇزۇرلىرىغا كەلدۇق. بىرنەچچە كۈن خىزمەتلىرىدە بولماقچىمىز.
بۆۋىرابىيە ئاغىچا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ:
— ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان سەپەر ئادەمگە ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ، بالام. ئۆزۈڭلاردىن ناھايىتى رازىمەن. ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ، ئوغلىمغا دوستلۇقنى يەتكۈزدۈلە. ئاقيوللۇق بولسۇلا، مەن دۇئا قىلىمەن، — دېدى.
ئۇلار ئۈچ كۈن تۇردى. ئوپالنىڭ قىشلاق - كەنتلىرىنى بۈبى ئانا بىلەن بىللە ئارىلىدى. ئۇنىڭ ھېكايە - چۆچەكلىرىنى، ھېكمەتلىك گەپلىرىنى ئاڭلىدى. دىلداربىكە ئۇنى يۇيۇندۇرۇپ چاچلىرىنى تاراپ قويدى.
بەگىيۈسۈپ قايتىدىغان كۈنى ھويلىدىكى تال - بېدىشنىڭ ئاستىدا بۈبى ئانا دۇئا بەردى.
— ئىللاھى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالامنىڭ يولىنى راۋان، ئۆزىنى ئامان قىلغىن. كۆڭلىنى ھەمىشە باھار ئەيلە. دۈشمىنىنى ھەر جايدا خار ئەيلە. چۆللەردە ئۇسساتما، كۈندۈزى ئۇخلاتما. مەنزىللەردە ئەزىز قىلغىن، تامقىنى لەزىز قىلغىن. بارغان يەردە خۇشال بولسۇن. سائادەت قۇشى بېشىغا قونسۇن. پاناھىڭدىن ئايرىما، بىز چىقايلى ئالدىغا، ئامىن!
ئاپپاق رومال سالغان پەرىشتە سۈپەت بۈبى ئانا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
«بوسۇغا داۋان، ئۆتكىلى بولماس ئاسان» دېگەندەك، بەگىيۈسۈپ ئوپالدىن قايتىپ كېلىپلا يولغا چىقالمىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يار - دوستلىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلىرى، ئىخلاسمەنلىرى، شاگىرتلىرى يىراقتىن - يېقىندىن
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشقا كەلدى. يەنە نەچچە كۈنگىچە مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. سەپەر قىلىدىغان ئادەم ئەڭ ياخشىسى بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىسا بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئۇ ئاخىر قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، سەيشەنبە ئەتىگەندە ئوردىغا بېرىپ، ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان، ۋەزىر - ۋۇزرا، ھاجىپلار بىلەن خوشلاشتى.
كۆزلىرىگە ياش ئالغان بۇغراخان لېپاپىغا سېلىنغان يارلىقنى بېرىپ:
— بۇ سەپىرىڭىزدە ئەسقاتىدۇ، ئۇستاز. يول - مال يوللۇق تۇتۇشتىن، يارلىق يېزىپ بېرىشنى ئەۋزەل كۆردۈم. يېنىڭىزغا سېلىپ قويۇڭ، — دېدى.
«قايغۇرغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ ھەرقايسى يۇرت، ئايماق، بالىق، بازار، قىشلاقلىرىنىڭ يابغۇ، ھاكىم، ئاقساقاللىرىغا يارلىق: مەلۇم بولسۇنكى، مەملىكىتىمىزنىڭ ساھىبقىرانى، بۇغراخاننىڭ خاس ھاجىپى، ئۇلۇغ پىكىر ئىگىسى بۈگۈ بىلگە، بۇغۇچ، مەۋلانا بەگ يۈسۈپ ھەزرەتلىرى ۋەەتەن زىيارىتىگە ماڭدى. بەجاندىل كۈتۈۋېلىپ خىزمىتىدە بولۇشۇڭلارنى، سەپىرىگە كاشىلا بولماي، ئوبدان ئارام ئالدۇرۇپ، ۋاقتىدا يولغا سېلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن!
قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ شاھىنشاھى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان»
مۇشۇ مەزمۇنلار يېزىلىپ، ئالتۇن مۆھۈر بېسىلغان بۇ يارلىقنى قويۇن يانچۇقىغا سالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋرا بېي ئاننىڭ سالامىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭ تىلىكىنى بىلدۈردى.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ۋەزىر - ۋۇزرالىرى بىلەن ئوردا ئالدىغا چىقىپ، دۇئا قىلىپ ئۇزىتىپ قويدى. قەشقەر خەلقى
يول - يولدا ئۇنىڭغا ئامان - ئېسەنلىك تىلىدى. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ باشلىق بۈگۈ بىلگە، مۇدەررىس، تالىپلار يەتتە چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزاتتى. دىلداربېكە، بۇۋىئايىشە، مىرتامانبەگ، ئېلىزادەبەلەر ئاتۇشقا بېرىپ، ئاندىن خوشلاشتى. مىرتامانبەگنىڭ:
— ئاتا، خوش، تېزىرەك كېلىڭ! — دېگەن ئاۋازى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇلىقىدىن يول بويى كەتمىدى…
4
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يەتكەن بىرىنچى مەنزىلى بارچۇق بولدى. بۇ يەردە ئورما باشلانغانىدى. تۆت تەرەپتىن مۇڭلۇق لاي - لاي ئاۋازى كېلىتتى. بارچۇق ھاكىمى ئۇنى ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. توپ - توپ بۇغا - مارال ئوتلاپ يۈرگەن يايلاقنى سەيلە قىلدۇردى. دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كىرىپ ھال - مۇڭ بولغۇزدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تەسىرلەندۈرگەن بىر ئىش، ئېتپىز ئارىلىغاندا ھاكىمنىڭ ياشانغان دېھقاننىڭ قولىدىن ئورغاقنى ئېلىپ ئورما ئورۇشقا چۈشۈپ كېتىشى بولدى. «ئاۋام بىلەن قەلبداش، كەمتەر، چىقىشقاق ئادەم ئىكەن» دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولدى. ئۇ رۇستەمبەگ بىلەن يالغۇز كوچا ئارىلىغاندىمۇ، ھاكىمدىن نارازى بولۇپ ئاچچىقلانغان ئادەمنى ئۇچراتمىدى.
ئاقسۇ، كۇچادىمۇ ئاۋام تىنچ - ئامان تۇرمۇش كەچۈرمەكتە ئىدى. ئۇ رۇستەمبەگ بىلەن مەھەللىلەرنى ئارلاپ يۈرۈپ، يېڭىدىن مەكتەپ، مەدرىسىلەرنىڭ سېلىنىۋاتقانلىقىغا، يوللارنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئاۋامنىڭ بۇغراخاندىنمۇ رازى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەمما، زالىم، خىيانەتچى ئەمەلدارلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئاقسۇدا ئىككى باجگىر، كوچادا ئىككى ياساۋۇل، بىر يۈزبېشى ئۈستىدىن ئاۋام ئۇنىڭغا شىكايەت قىلدى. يۈسۈپ
خاص ھاجىپ ھاكىملارغا دەپ ئۇلارنى خىزمىتىدىن قالدۇرۇۋەتتى. ئۇ كىڭىت① قا كەلگەندە، ھاكىمنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. ھاكىم يول خېتى سورىدى. بەگىيۈسۈپ يارلىقنى كۆرسەتتىدى، ھاكىم ئىككى پۈكۈلۈپ تەزىم قىلىپ ئەپۇ سورىدى.
— يۈسۈپ خاص ھاجىپ ئىككىلىكلىرىنى بىلمەپتىمەن، ھەزرەتلىرى، كەچۈرسىلە، خىزمەتلىرىدە بولاي.
— مەن ئۆتەڭنى سەيلە قىلىپ كېتىۋاتىمەن. خىزمىتىمدە يەتتە كىشى بار، — دەپ ئۇنىڭ خوشامىتىنى رەت قىلدى يۈسۈپ خاص ھاجىپ. ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرى بىلەنلا باغراش، لوپنۇر كۆللىرىنى سەيلە قىلدى.
تارىم، كۆنچى دەريالىرى قويۇلۇپ تۇرغان لوپنۇر كۆلى ھەمىشە چايقىلىپ، قىرغاق يالاپ مەۋج ئۇرەتتى. ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق قو، غاز، ئۆردەك، تۇرنىلار سانسىز ئىدى. ئەتراپىدىكى خوش ھاۋا بوستانلىق، چىمەنلىكلەر، يېشىل ئوتلاقلار ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرەتتى.
يۈسۈپ خاص ھاجىپ بۇ يەردىكى كۆچۈم بېلىقچىلار مەھەللىسىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدى. بېلىقچىلار ھاكىمنىڭ ناھايىتى زالىملىقىنى، ئاشلىق سېلىقى ئېلىپلا قالماي بېلىق سېلىقى سېلىپ ئاۋامنى نامراتلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، پات-پات كېلىپ، كۆزى چۈشكەن قىز-خاتۇنلارنى، ئېرى بار-يوق دېمەيلا چاقىرتىپ ئۆيىگە سېلىۋېلىپ، كۆڭۈل ئاچىدىغانلىقىنى غەزەپلىنىپ سۆزلەپ شىكايەت قىلىشتى.
— ھاكىم زالىم بولسا پۇقرا نامراتلىشىپ كېتىدۇ. سىلەر نېمىشقا بۇغراخانغا ھاكىم ئۈستىدىن ئەرز قىلمىدىڭلار؟ — دەپ سورىدى، ئۇلار:
— ئارىمىزدا سۆخەنچى بار ئىكەن، خاص ھاجىپ
① كىڭىت — بۈگۈنكى قاراشەھەر.
ھەزرەتلىرى. يازغاندۇق، چىقىپ قويۇپ، ئەرزىنامىنى يېزىپ بەرگەن ئىككى پۇتۇكچىنىڭ قوللىرىنى ھاكىم جەينىكىدىن كېسىۋەتتى. ئەرزىنامىنى يازدۇرغان ئاق ساقىلىمىزنى دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ قامچىلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ياز، كۈز پەسلىدە كېڭەش ھاكىمىنمۇ باشلاپ چىقىپ كۆزگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ئاتلىرىمىزنى، قىزلىرىمىزنى بولاق - تالاق قىلىپ ئېلىپ كەتكەنلىرىنى دېسەك ئىچىلىرى سىرىلىپ كېتىدۇ، دېيىشىپ ھۆڭ - ھۆڭ يىغلاپ كېتىشتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇ زاماتلا مەلۇماتنامە يېزىپ، تۇرۇمتاي ئاتلىق مۇلازىمگە بەردى:
دەرھال ئوردۇكەنتكە قايتىپ بېرىپ، بۇغراخان ئالىيلىرىنىڭ ئۆز قولىغا بەرگىن، دېدى ئۇ ۋە شۇ زاماتلا قەشقەرگە يولغا سېلىۋەتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بېلىقچىلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى كىروران شەھەر خارابىسىنى زىيارەت قىلدى.
قۇم بېسىپ كەتكەن بۇ يەرلەر بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ناھايىتى ئاۋات كاتتا شەھەر ئەزىم ئىدى. پادىشاھى ئەيش - ئىشرەتكە، توققۇزى تەل خەلقى بۇزۇقچىلىق، ھاۋايى - ھەۋەسكە بېرىلىپ، ئۆزلىرى بىلەنلا، ماكانى بىلەنمۇ كارى بولمىغاچقا، تەڭرىنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، دېڭىزدەك دولقۇنلاپ كۆچكەن قۇمنىڭ ئاستىدا قالغان. ئادەرىخا، ھايات قالغان ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى جەنۇبتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا كېتىپ تىرىكچىلىك قىلغان. يەنە بىر قىسمى شەرق تەرەپكە كەتكەن. ئاز بىر قىسمى بولسا لوپنۇر، باغراش كۆلى بويلىرىدا تېرىقچىلىق، بېلىقچىلىق قىلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەلھال بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئەنە شۇ كىروران ئەھلىنىڭ ئەۋلادى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ سۆزىنى توختىتىپ، باغرىنى قۇمغا
يىقىپ ئۇزاققاچە يىغلىدى. «ئاھ! ئېسىت، ئاھ! ئېسىت… كاشكى - كاشكى» دەپ نالە قىلدى. ئۇ ئۇزاپ ماڭغاندا لوپنۇرلۇقلار ئۆز ئاتىسىنى ئۇزاتقاندەك زار - زار يىغلىشىپ قالدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇ يەردىن ئىسسىقتۇتقا باردى. سوغۇق چۈشۈپ كەتكەچكە، ئۇ يەردە قىشچە تۇرۇپ قالدى. يەر ئاستىدىن ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ ئىسسىق دىيارنى ياشناتقان تۇرپان خەلقى ئۇنىڭدا ياخشى تەئەسسۇرات قالدۇرغانىدى. باش ئەتىيازدا يولغا چىقىپ، بەشبالىق، ئالتاي دىيارىنى ئايلاندى. «نېمىشقىمۇ كېيىنكى، مۆھبەت باي زېمىن بۇ! قەدرىگە تېخى يەتمەپتىمىز.» دەپ ئويلىدى ئۇ ئېرتىش بويىدا، قارىغاي دەرىخىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ.
بۇ تەرەپلەردە شەھەر - بازار ئاز بولۇپ، قىشلاق كۆپ ئىدى. كۆچمەن خەلق چارۋا بېقىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. پايانسىز يېشىل يايلاقلاردىن ئۆتكەندە قوي، كالا، ئات، قۇتاز پادىلىرى ئۇچراپلا تۇردى. ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئاق ئۆيدە يېتىپ - قوپۇپ، قىمىز، سۈت ئىچىپ، گۆش، ئېرىمچىك، قۇرۇت، قايماق يەپ ئوبدانلا سەمىرىپ قالدى. ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىرىپ كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدى.
ئۇزاق يىل خانلىق خىزمىتى، جامائەت ئىشلىرى ۋە قەلىمى ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ جېنى ئۆپراپ تېنى ئاجىزلاپ قالغانىدى. مۇشۇ تاپ خېلى يەرگىچە پىيادە ماڭسا ھارمايدىغان، تاغ - داۋانلارغا چىقسا ھاسىرىمايدىغان بولدى. «بۇلۇت كەبى ئاق ئۆيلەردەك، يەپ - ئىچكەن قايماق - سۈتلەردەك، بۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭلىمۇ ئاق ئىكەن» دەپ سۆيۈندى. كۆڭلى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ئورخۇن دەرياسى بويىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز ياش تۆكتى. «ئاكام بەگتۈرمۈش مەشھەدە قۇربان بوپتىكەن. تېنىگە ئورنىغان نەيزە سانجىلغاندىمۇ قىلىچىنى تاشلىماي جەڭ قىپتىكەن. بەلكىم ئۇنىڭ روھى قان
946
بىلەن بويالغان دەريا ساھىلىنى كېزىپ يۈرسە كېرەك…» ئويلاپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ توختاپ تۇرغان ھەمراھلىرىغا:
— ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ئۆز ۋەتىنى، قەۋمىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلۈش. مېنىڭ ئاكام مۇشۇ دەريا بويىدا ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىپ ئەل - ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكىنى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى قوغداپ قالغان. مەن بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەن، — دېدى روھى ئۆركەشلەپ.
— يېقىن شاگىرتلىرىمۇ ۋەتەن، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن جېنىنى ئايىمايدۇ، كىشى قارا. ۋەتىنىمىزنىڭ قۇچىقى نېمىدېگەن كەڭ. ماڭساق — ماڭساق چېتىگە يېتەلمەيۋاتىمىز، — سۆز قاتتى ئېتىنى سوغۇرىۋاتقان رۇستەمبەگ.
— بالام بۇنداق گۈزەل، مۇنبەت تۇپراق ئۈچۈن بىر جان ئەمەس، مىڭ جاننى پىدا قىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. دۇنيادا باغرىدا ياشاپ تۇرۇپ ئۆز ۋەتىنىنى بىلمەيدىغان، قەدرىگە يەتمەيدىغان ئادەملەرمۇ بار. ئاسىي — مۇناپىقلار مانا شۇنداق غۇرۇرسىز ئادەملەردىن چىقىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئادەم ھۆر بولغان ۋەتىنىدىلا بەختكە ئېرىشەلەيدۇ.
— ئېسىمدە تۇتىمەن، ئۇستاز.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئورخۇن بويىدىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ، گۈزەل بايكۆل ① بويىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئېمىل، ئېدىل ۋادىسىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن دىدارلىشىپ كەيىنگە ياندى. سىر دەريا بويىغا كەلگەندە سوغۇق چۈشۈپ قالدى. ئۇ بۇ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى جەندە شەھىرىدە بىرنەچچە كۈن تۇردى. ئوغۇزلارنىڭ يابغۇسى ② ئۇنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. ئوغۇزلارنىڭ شۆھرەتلىك باش بوغى ③ بىر يۈز ئون
① بايكۆل — بايقال كۆلىنىڭ ئەسلى نامى. ② يابغۇسى — ھاكىمى، ئاقساقىلى. ③ باش بوغ — ئوغۇزلاردىكى ئەڭ يۇقىرى ئەل نامى.
بېشىگە كىرىپ ۋاپات بولغان سەلجۇقىيلارنىڭ ئوردىسىنى زىيارەت قىلدۇردى. قىلىچ - قالقان، ئومۇتلىرىنى كۆرسەتتى. سەلجۇقىيلارنىڭ ئوغلى توغرۇلبەگنىڭ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، بەش تۈمەن پىيادە ۋە ئاتلىق قوشۇن، ئۈچ يۈز جەڭ پىلىدىن تەركىب تاپقان زور كۈچ بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن سۇلتان مەسئۇد غەزنىۋىنى ئون نەچچە مىڭ سىپاھ بىلەن مەغلۇپ قىلغىنىنى، يەتتە يىل بۇرۇن شەرقىي رۇم پادىشاھى ئېزمائۇس ئون تۈمەندىن ئارتۇق قوشۇن بىلەن ئەرمەنىستانغا بېسىپ كىرگەندە، سەلجۇقىيلارنىڭ نەۋرىسى سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ نەچچە ئون مىڭ سىپاھ بىلەن ئالدىنى توسۇپ جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ قىلىپلا قالماستىن ئېزمائۇسنى ئەسىر ئالغىنىنى قىزىقارلىق ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەندە شەھىرىدە ئات - ئۇلاغلىرىنى يېڭىشلاپ، قىشلىق كىيىم - كېچەك، يېمەكلىكلىرىنى غەملەپ مۆجۈپ چىللە كىرىش ئالدىدا سەمەرقەنتكە يېتىپ كەلدى. ئۆزىنىڭ تىللا سارىيىغا چۈشتى. ئوردىغا بېرىپ غەربىي قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ شاھى تامغاچ بۇغراخان شەمسىلمۈلۈك بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ئۆزىرى تاجسىلمۈلۈك بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ شەربىگە بەگ تەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى. ئۇ ئاتىسى ئىبراھىم بۆرە تېكىننى ئەسلەپ، قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى:
— مەرھۇم ئاتامنىڭ قىرىق نەزىرىگە كەلگەنلىرى تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمدە، خاس ھاجىپ ھەزرەتلىرى. بۇنىڭغىمۇ ئون يىل بولۇپ قاپتۇ. قېيىنئاتامنى ئاخىر ئونىڭ قىساسى تۇتتى. شەرقىي رۇمنى بويسۇندۇرۇپ ئولپان ئېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ناھايىتى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. ئۇ يەنە نۇرغۇن قوشۇن بىلەن ئامۇ دەرياسى بويىغا باستۇرۇپ كەلدى. بۇ يەرنى قوغداۋاتقان يۈسۈپ بورەزمى ئاتلىق ئالپ سەركەردەم قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇنى توسۇماقچى بولدى، لېكىن
جەڭدە يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. قېيىنئاتام سوراق قىلماقچى بولۇپ ئۇنى ئالدىغا كەلتۈرگەندە، قوينىغا يوشۇرۇۋالغان خەنجەرنى ئېلىپ، ئېتىلىپ بارغىنىچە قارنىنى يېرىۋېتىپتۇ. ئېغىر يارىلانغان قېيىنئاتام سۇلتان ئالپ ئارسلان شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. تىنقى توختاش ئالدىدا «يۈسۈپ بورەزمى ھەقىقەتەن قورقۇمسىز ئالپ ئىكەن. مەندەك بىر جاھانگىر پادىشاھنىڭ جېنىغا زامىن بولدى» دەپ جان ئۈزۈپتۇكەن.
— يىقىرمۇ ئاتالغان ئالىملىرى، يۈسۈپ بورەزمۇ، سۇلتان ئالپ ئارسلاندەك تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ دۇنيا مانا شۇنداق دۇنيا. كىشىنىڭ قىساسى كىشىدە قالمايدۇ. ئېيتسىلا شاھىم، سۇلتان مەلىكشاھ بىلەن قانداق ئۆتۈۋاتىدۇلا؟
— ئوبدان، خاس ھاجىپ ھەزرەتلىرى، — شەمسىلمۈلۈك قوللىرىنى كېرىپ كۈلۈمسىرىدى، — بۇ جاھانگىر قېيىنئىنىم ئاباكەم تۈركەن خاتۇننىڭ ھۆرمىتىدىنمۇ ياكى مەردلىكىگە ئالدىمۇ، شام① نى پەتھى قىلغاندا مېنى تەكلىپ قىلىپ، تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى. رازى بولۇپ قايتىپ كەلدىم.
— ئالىيلىرى، مەلىك شاھمۇ ئاتىسىدەك جاھانگىر پادىشاھ. ئۇنى سەمەرقەنتكە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىپ، تۇغقانلىق رىشتىنى چىڭىتىشلىرى، ئۆزئارا ئۇرۇش — جېدەل قىلماسلىق توغرىسىدا ئەھدۇپەيمان تۈزمەكلىرى زۆرۈر. بولمىسا ئۇنىڭ نەپسى يوغىنىغانسېرى خارەزمنى يۇتۇۋېلىش، شەرققە يۈرۈش قىلىش قەستىدە ئۇرۇش قوزغىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. بۇنداق ئاقىۋەت ئەلگە بالا — قازا بولىدۇ.
— يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ مەسلىھەتى ناھايىتى قىممەتلىك، شاھىم. شۇنداق قىلىش — مەملىكەتلىرىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، — دەپ قوشۇلدى باش
① شام — سۇرىيەدىكى بىر شەھەر.
ۋەزىر تاجمۇلمۈلۈك.
غۇرۇرى كۈچلۈك بولغان شەمسۇلمەلىك بۇ مەسلىھەتنى دەرھال قوبۇل قىلدى. ئىككى كۈندىن كېيىن نۇرغۇن سوۋغاتارتۇق بىلەن تاجمۇلمۈلۈكنى مەلىكشاھنى سەمەرقەنتكە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن تېھرانغا ماڭدۇردى.
بەگىيۈسۈپ سەمەرقەنتتە قىشلاپ قالدى. كۆپ ۋاقتىنى ئالىم - ئەدىبلەرنىڭ سۆھبىتىگە بەردى. سودا - سېتىق ئىشلىرىدىنمۇ خەۋەر ئېلىپ تۇردى. بۇ يەردە تىللا سارىيىنى ئېچىپ تىجارەتنى قىلىۋاتقانلار ھالال ئادەملەر ئىدى. ئۇ بىر مەدرىسە، يەنە بىر ساراي سېلىشقا مەبلەغ ئاجراتتى. ھەر كۈنى ئون مۇساپىر، ئون يېتىم - يېسىرغا ھەقسىز تاماق بېرىشتىن ئىبارەت خەيرلىك ئىشنى تىللا سارىيىدا يولغا قويدى. ئوردىغىمۇ بېرىپ تامغاچ بۇغراخان بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇردى.
تاجمۇلمۈلۈك بىر ئاي بولغاندا قايتىپ كەلدى. ئۇ مەلىكشاھنىڭ خانىش تۈركەن خاتۇن بىلەن باش ئەئىيازدا كېلىدىغانلىقىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىمۇ ۋاقىپلاندۇردى.
دېگەندەك سەمەرقەنتنىڭ سوۋۇدانلىرى پۇتلا تاشلىغاندا، يىلغا مىڭدىن مەلىكشاھ بىر تۈمەن سىپاھ، يۇرتۇغ - جاندارلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى. باش ۋەزىر نىزامۇلمۈلۈكمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەنىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ يەردىلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈشتى،
ئۇلار ئەھۋاللاشتى. بىرنەچچە كۈن سەيلە - ساياھەت، بەگ تەرىكىسى، سورۇن، مەركىلەردە بىللە بولۇشتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنى ئۇنىڭغا يادىكار قىلدى. بۇ ئالىممۇ ئەۆتەمەن، دەپ ئەۆتەلمىگەن «سىياسەتنامە» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى ھەدىيە قىلدى. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شەمسۇلمەلىك بىلەن مەلىكشاھنىڭ تۇغقانلىق رىشتى چىڭىدى. ئۇرۇش - تالاش قىلماسلىق توغرىسىدا ئەھدنامە تۈزۈلدى. تەنتەنە بىلەن
كۈتۈۋېلىنغان مەلىكشاھ يەنە شۇنداق تەنتەنە بىلەن ئۆزدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ يولغا چىقىپ، مەرۋى شاھ جاھان، غەزنە، فاراب، ئوترار شەھەرلىرىنى كېزىپ، تازا ئىسسىق يازدا بالاساغۇنغا يېتىپ كەلدى. ئىككى يىلدىن بېرى يول مېڭىۋاتقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ تېخىچە ئۆزى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەملەرنى تاپالماي يۈرگەنىدى. ئۇ بالاساغۇندا تومۇز چىققۇچە تۇردى. ئېلىكخان ئەربۇقا پەتھىدىن ۋە بارلىق ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرى بىلەن ھال - مۇڭ بولۇپ، قوغۇن شاپىقى يەرگە چۈشكەندە يەنە يولغا چىقتى. بىر يۈز يىگىرمە بەشكە كىرگەن ئاشانبۇقا يەنە بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشنى تىلەپ چۇ دەرياسى بويىدا ئۇزىتىپ قالدى…
ئوتتۇزىنچى باب: يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپاتى
1
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەنجۈرنىڭ ئۈچىنچى پېشىنقىدا ئاتۇشقا يېتىپ كېلىپ مەشھەدكە چۈشتى. قەشقەردىكىلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈن رۇستەمبەگ ماڭماقچى بولۇۋاتاتتى، ئۇ: — ھاجىتى يوق، بالام. ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزمايلى. خەۋەر بەرمەيلا كەلگىنىمىزنىڭ خاسىيىتى كۆپ بولىدۇ، — دەپ ئۈندىمىدى. ئۇلار ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىدا ئۈچ كۈن تۇردى. مەقبەرە ئالدىدىن ئۈچ كۈنگىچە قوپماي، ۋەتەن خەلقىگە تىنچلىق — ئامانلىق، بەخت — سائادەت، پادشاھقا ئىنساپ تىلەپ دۇئا قىلدى. ھەزرىتى سۇلتان بىلەن بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان بارلىق مەرھۇملارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزەر بەردى. ئۆزىمۇ ئالتۇن داشنىڭ ئىچىگە ئېغىز تەگكۈزۈپ چوك كۆلنىڭ سۈيىدە تاھارەت ئېلىپ، كۈن قايرىلغاندا قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى. تۆت ئەتراپى ئەنجۈرلۈك باغلار بىلەن ئورالغان بۇ ئەزىز ماكان — ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى بولۇپ قالدى. ئۇلار ھېچ يەردە توختىماي چاپسان — چاپسان مېڭىپ، خۇپتەندىن يانغان مەھەللىدە قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. يەنە سەل كېيىن قالسا دەرۋازا تاقىلىپ شەھەرگە كىرەلمەي قالاتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەمراھلىرى بىلەن ئاستانىگە قەدەم باسقاندا كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ئۇلار شام چىراغلارنىڭ يورۇقى
چۈشۈپ سىرلىق تۇس ئالغان بۇلاقلارغا سەپسىلىپ ئاتتىن چۈشتى دە، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئىشىك ئالدىدا توختىدى. رۇستەمبەگ ھالقىنى قاقتى.
چىراغ كۆتۈرۈپ چىققان دىلداربىكە قەدىرداننى كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتتى. دېدىكى يولۇقمىغان بولسا يىقىلىپ چۈشەتتى. ئۇنى خانىسىغا ئېلىپ كىرىشتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بېشىدا تېلمۈرۈپ ئولتۇرغاندا، دىلداربىكە ھوشىغا كەلدى. كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ:
ئاھ، خۇدا! سىلىنى كۆرىدىغان كۈنمۇ بولىدىكەن ھە! دەپ گىرە سېلىۋالدى، بۇ سىلىمۇ؟ بۇ سىلىمۇ ھە؟ دىلداربىكە ئېرىنىڭ ئۆسۈپ قالغان ساقىلىنى تۇتاملاپ يۈز كۆزىگە سۈردى.
يىغلىمىسىلا ئانىسى. مەن كەلدىمغۇ، دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ جانانىنىڭ سۈمبۈل چاچلىرىنى ھىدلاپ.
دىلداربىكە رۇسلىنىپ ئولتۇردى:
نېمىشقا خەۋەر بەرمىدىلە؟ ئالدىلىرىغا چىقماسمىدۇق. ئۈچ كۈن بۇرۇن سىلى قايتىپ كېلىپ چۈشۈپ قالغاندىم. شۇڭا، كېلىپ قالامدىكىن دەپ ئىشىك قېقىلسىلا يۈگۈرۈپ چىقىدىغان بولدۇم. ھېلى ئىشىكنى ئېچىپ سىلىنى كۆرگىنىمنى بىلمەن، نېمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن، كۆزۈمنى ئاچسام بېشىمدا ئولتۇرىدىلا. يەنە چۈشۈم ئوخشايدۇ، دەپ قاپتىمەن.
مەن راستلا كەلدىم، ئانىسى. ھوشلىرىدىن كەتكەندە بەك ئەنسىرىدىم. كۆتۈرۈپلا ئەكىرىپ ياتقۇزدۇم. مىڭ شۈكۈر، كۆپ ئىنتىزار قىلماي كۆزلىرىنى ئاچتىلا. ئوغلۇم كۆرۈنمەيدىغۇ؟
مەدرىسەدىن كېلىشكە جانىبىدا غوجام چاقىرىپ كەتكەنىدى. ھېلى كېلىپ قالارمىكىن، دىلداربىكە بىردىنلا تۇرۇپ كەتتى، ۋاي ئېسىم قۇرۇسۇن، قوللىرىغا سۇ بەرمەي، ئۈستباشلىرىنى قاقماي ئولتۇرغىنىمنى قارىسىلا، ئاتىسى.
قورساقلىرى تازا ئاچقاندۇ؟ ئۇ ئېتتەك چىقىپ ئاپتوۋا - چىلاپچى ئېلىپ كىردى. ئېرىنىڭ تونىنى سالدۇرۇپ، سەللىسىنى ئېلىپ، قولىغا سۇ بەردى.
- يۇيۇنۇۋالسلا ھاردۇقلىرى چىقاتتى، ئاتىسى، تاماق يەۋېلىپ يۇيۇنۇۋالا. خوش بولغىنىمدىن ئېسىمنى يوقىتىپتىمەن، ھاياجىنىمنى ئاران بېسىۋالدىم. ئەمدى ئاشخانىغا چىقىپ تاماق ئېلىپ كىرەي.
- چىقىسلا ئانىسى، قورسقىم ئاچقاندەك قىلىدۇ. سىلى ئەتكەن چۆچۈرە، پولونى سېغىندىم. دىلداربىكە ئاشخانىغا چىقتى.
- ئابا! ئابا! مەن كەلدىم! - دېگەن ئوغلىنىڭ ئۈنۈنى ئاڭلاپ، ھويلىغا چىققان دىلداربىكە ئۇنى شەرتەلەپ چاقىردى.
- بالام، ئاستا توۋلا، ئاتاڭ قايتىپ كەلدى.
- ئاتام كەلدى؟ راستمۇ ئابا؟
- راست، ئوغلۇم، راست. دەم ئېلىۋاتىدۇ، بوش گەپ قىل.
- مەن كۆرۈشمەمدىمەن؟
- كۆرۈشسەن بالام، كۆرۈشسەن. قازانغا چۆچۈرىنى سېلىۋېتىپ باشلاپ كىرەي، چۆچۈتۈۋەتمە. تاقىتى تاق بولغان مىرتامانبەگ ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرگەندە، ئورنىدىن تۇرۇۋاتقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەرىزىدىن قاراپ تۇراتتى.
- ئاتا! ئاتا!
- بالام، ئوغلۇم! ئاتا - بالا قۇچاقلىشىپ كەتتى. داستىخان كۆتۈرۈپ كىرگەن دىلداربىكە:
- بالام، ئاتاڭ ھېرىپ - چارچاپ كەلدى. سېنىڭ ئونداق قۇچاقلاشلىرىڭنى كۆتۈرەلمەيدۇ. قول - پۇتلىرىنى ئاغرىتىپ قويىسەن، - دەپ ئاتىسىغا ھەشقىپىچەكتەك چىرمىشىۋالغان
مىرتامانبەگنى ئاران ئاجرىتىۋالدى. ئاندىن، سەن دەرھال بېرىپ ئاباكەڭنى، تاغىلىرىڭنى ئاتاڭنىڭ كەلگىنىدىن ۋاقىپلاندۇرۇپ ئىتتىك يېنىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى.
مىرتامانبەگ:
ئاتام بىلەن سۆزلەشكەنمۇ قويماي، دەپ غودۇڭشىغانچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
بالىنى ئەتە ئەۋەتسىلىرى بولماسمىدى، ئانىسى. ئۇلارنى بۇ كېچىدە بىسەرەمجان قىلىدىغان بولدۇق.
ئۇنداق بولمايدۇ، ئاتىسى. بۇۋىئايىشە قىزىم يوللىرىغا تولا قاراپ ئېسىنى يوقىتىپ قوياي دېدى. سېغىنغانلا؟ ئاكىلىرىمۇ سىلىنى سوراپ بۇ ئۆيگە تولا كېلىپ تاپانلىرى تېشىلىپ كەتتى، دېدى. بۈگۈن كەلگەنلىرىنى ئەتە ئاڭلىسا مەندىن خاپا بولمامدۇ؟
بۈگۈن قىزىمنى كۆرمىسەم كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى ئانىسى.
دىلداربېكە كۈلۈپ قويۇپ چۆچۈرىنى ئېلىپ كىردى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەززىلىك بۇ ئاشنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكە تۇتۇندى.
سىلى ئەتكەن ئاشزە، شۇنداق لەزىز ھە! چۆچۈرىسى شۇنچە تاتلىق، سۈيى شۇنچە تېملىك.
ئۇنچىۋالا ئەمەس، ئاتىسى، سىلى يوق بۇ ئۆي مازارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئەمدى ئاۋات بولۇپ كېتىدىغان بولدۇق. ئاتا دېگەن نېمىنشە ئۇلۇغ ھە، ئاتىسى!
ئانا بولمىسا ئۆي بىر گۆرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئانىسى. سىلى بولغاچ بۇ ئۆي شۇنداق يورۇق ئازادە تۇرۇپتۇ.
سىلىنى كېلىدۇ، دەپ ھەر كۈنى سۈپۈرۈپ سۈپۈرۈپ تۇردۇم، ئاتىسى. چۆچۈرىدىن يەنە ئازراق ئېلىپ كىرەيمۇ؟
— سەل تەخىر قىلىپ… بالىلار، تۇغقانلار كەلسۇن. راستىمنى دېسەم كۆڭلۈم تاماق تارتىپلا تۇرىدىغۇ. ھېچ بىلمىدىم ئانىسى.
— بۇ سەپەرنىڭ خاسىيىتى. ساپ ھاۋا، قۇياش نۇرى، غۇر-غۇر شامال، تىنىمسىز ھەرىكەت — مانا بۇلار قورساقنى ئاچۇرىدىغان ئامىللار، ئاتىسى. ھەقىقەتەن تېنىڭىز تازا تۇرۇپتۇ…
بۈۋىئايىشە، ئېلىزادەگ بالىلىرى بىلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ تاتلىق پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇلار كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىشىپ بولغۇچە بەگتاش خېلىل، بەگتاش جېلىللارنى باشلاپ مىرمانبەگ كەلدى. تىنچلىق، ئامانلىق سورىشىپ كۆز يېشى قىلىشتى.
— ئادەم سەپەر قىلغاندىلا ئۆز ئۆيىنىڭ، بالىلىرىنىڭ، تۇغقان، يار-دوستلىرىنىڭ قەدرىگە يېتىدىكەن. ھەممىڭلارنى بەكمۇ سېغىندىم. بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى، — دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىترەك ئاۋاز بىلەن.
— كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، ئاتا. ئۇلۇغ خانلىقىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەرەلىرىنى، شەھەر-دالالىرىنى كۆرۈش ئارزۇلىرىغا يەتتىلىغۇ، — بۈۋىئايىشەنىڭ ياشلىق كۆزلىرىدە كۈلكە پەيدا بولدى.
— يوقسۇ بالام، ئارزۇيۇمغا تولۇق يەتلىگىنىم يوق. ئۇلۇغ ۋەتىنىمنى بىر ئايلىنىپ چىقىش ئارزۇيى كىچىك چېغىمدىلا كۆڭلۈمدىن ئورۇن ئالغانىدى. يىللار شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتتى. ياشانغان چېغىمدا ئاشۇ ئارزۇغا ئايلىنىپ، مېنى مەيلىمگە قويماي ئاتلاندۇردى. ۋەتىنىمنىڭ كۆپ جايلىرىغا بارغان بولساممۇ، ئارزۇيۇمنى قاندۇرالمىدىم. يىپەك دىيارى ئودۇنغا بارالماي ئارماندا قالدىم. ئوردۇكەنتنىڭ يېقىنىدىكى
ياركەنتكىمۇ بارالماي قالدىم. چوك ئوغلۇم بەگتۈرمىش شۇ يەردە ئەھمەد ئەپەندىخاننىڭ يۇغروش باشى ئەھمەسمۇ؟ بۇرچىنى قانداق ئادا قىلىۋاتىدۇ؟ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈم بار ئىدى. خەيرىيەت، ئادەم كۆرمەن دېگەن يەرلەرنى كۆرۈپ بولالمايدىكەن. يېتىمەن دېگەن ئارزۇ - تىلەكلەرگىمۇ يەتكىلى تەقس ئىكەن. ئانا ۋەتىننىڭ ھەممە يېرىگە بارالمىغان بولساممۇ، بىلىپ، چۈشىنىپ كەلدىم. ناھايىتى كەڭ، ناھايىتى باي، ناھايىتى گۈزەل ئىكەن. سەھەردە Highlighted غۇرۇلدايدىغان شالالىلەنمۇ، دەل - دەرەخ گۈل - گىياھلاردىنمۇ، ھەممە نەرسىدىن شېئىر - بېيىت تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن. يامغۇرمۇ شېئىر، قارمو شېئىر، كۆلكىسمىمۇ شېئىر، يىغىسمىمۇ شېئىر ئىكەن. ئۆزەم بۇ سەپىرىمدىن زادى ئەپسۇسلانمايمەن، بەلكى ئېپتىخارلىنىمەن…
يۈسۈپ خاس ھاجىپ سۆزلەۋېتىپ بىردىن تۇرۇپ كەتتى.
— رۇستەمبەگنى چاقىرىڭلار ! — دېدى ئۇ جىددىيلىشىپ.
گېپىگە قىزىقىپ ئولتۇرغان جانجىگەرلىرى ھەيران بولۇشتى. دىلداربەكە ھاياجانلانغان ئېرىنىڭ توساتتىن يىغىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردى.
مىرئامانبەگ رۇستەمبەگنى چاقىرىپ كىردى.
— بالام، لوپنۇر كۆلى ئېسىڭدىمۇ؟ — سوردى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، — ئېسىڭدىمۇ زادى؟
— ئېسىمدە، كىشى قارا.
— شۇ چاغدا مەن يېزىپ بەرگەن مەلۇماتنى كىم ئېلىپ كەتكەنئىدى؟
— ئوردا ياساۋۇلى تۇرۇمتاي.
— ئۆنى ھازىر چاقىرىپ كېلەلمەمسەن؟
— كېلىمەن، كىشى قارا.
— ئۆنداق بولسا چاپسان چاقىرىپ كەل !
957
رۇستەمبەگ ئۇستازىدىن باشقا ھەممىلەنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئولتۇرۇپ كىڭىتكە بارغاندا ئاڭلىغان - كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىنلا، بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ھەممىلەن چۈشەندى.
تاماق يېيىلىپ، بولغاققا داستىخان يىغىۋېتىلدى. بەگتاش خېلىل، بەگتاش جېلىل ئاكا - ئۇكىلار، ئېلىزادەبەگ بالىلىرى بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
رۇستەمبەگ ئوردا ياساۋۇلى تۇرۇمتاينى چاقىرىپ كەلگەندە، ۋاقىت يېرىم كېچە بولۇپ قالغانىدى.
— ئامان كېلىپلا خاس ھاجىپ ھەزرەتلىرى.
— لوپنۇر كۆلىگە بارغىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟
— ئېسىمدە، ھەزرەتلىرى.
— سىزدىن ئەۋەتكەن ئاشۇ مەلۇماتنامىنى بۇغراخانغا بەرمىگەنمىدىڭىز؟
— بەرگەن، ھەزرىتىم. بۇغراخان ئالىيلىرى دەرھاللا لوپنۇر ۋە كىڭىت ھاكىملىرىنى مەنسىپىدىن قالدۇرۇپ، زىندانغا تاشلاش توغرىسىدا، سۇباشى كوشان سانغۇنغا ئەمىر قىلدى. ئاندىن ئۇنى كىڭىت، لوپنۇر ھاكىملىرىنىڭ ئورنىغا ھاكىم قىلىپ يارلىق بىلەن ماڭدۇردى. بۇغراخاننىڭ ئەمرى بويىچە مەنمۇ كوشان سانغۇن بىلەن بىللە بارغانىدۇم. سانغۇن، كىڭىت، لوپنۇر ھاكىملىرىنى زىندانغا تاشلىدى. بۇ ئىككى ئايماقتىن ئېلىنىدىغان باج - سېلىقنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى يارلىقنى ئاۋامغا ئۇقۇپ بەردى. خاس ھاجىپ ھەزرەتلىرى، ئاۋام ئۆزلىرىدىن كۆپ مىننەتدار بولدى. كېيىن سانغۇننىڭ مەلۇماتنامىسىنى ئېلىپ ئوردۇكەنتكە قايتىپ كەلدىم.
— ماڭا مىننەتدارلىق كېرەك ئەمەس، ئادالەت كېرەك،
ياساۋۇل. ئەمدى كۆڭلۈم تىندى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دىلداربېككە دەپ، ياساۋۇلغا ئون كۈمۈش يامبۇ سۆيۈنچە بەردى. ئۇ رەھمەت ئېيتىپ ئۆزدى.
بۆشۈككە ئوخشاش يان ئۆيگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، دىلداربېكە قەدەرداننى ھاممامغا ئېلىپ كىردى. ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ، كىيىم - كېچەكنى يەڭگۈشلەپ ئۆز خانىسىغا ئېلىپ چىقتى.
— مېنى ئەجەب راھەتلەندۈردۈڭ، ھاردۇقۇم چىقتى. ئۆچتەك يېنىكلەپ قالدىم ئانىسى، — دېدى بەگۈسۈپ سۆيۈنۈپ.
2
ئەتىسى ئەتىگەندە ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ۋەزىر - ۋۇزۇرلىرى بىلەن پەتەنگە كەلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئەھۋال سوراشتى.
— تەنەن تۇرۇپسىز، ئۇستاز. قۇتلۇق قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. نېمىشقا بىزنى ۋاقىپلاندۇرمايلا كېلىۋالدىڭىز؟ ئالدىڭىزغا چىقاتتۇق ئەمسە.
— رەھمەت بۇغراخان ئالىيلىرى، مەملىكەت ئىشى بىلەن بىر قوللىرىنى ئون قىلالمايۋاتقان يەردە، ئاۋارەچىلىك تارتىمىسۇن دېدىم. داغدۇغا، تەنتەنە بىلەن ئۇچراشقاندىن كۆرە، مۇنداق بەھۇزۇر كۆرۈشكەن تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ، — دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ.
ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان تاشقىرى ھويلىدىكى ساراي ئۆيگە كىرىپ تۆردىن ئورۇن ئالدى. مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە تاي، قوزا، ئوغلان سويۇلدى. تەخسە - تەخسە نېرىن چۆپ تارتىلدى. تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
— بىزگە بۇيرۇيدىغان خىزمەت يوقمۇ ئۇستاز؟ ۋەتەننىڭ ئەڭ گۈزەل شەھەر، قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ، شاھىنشاھلاردىن تارتىپ تارىخچى، چوپانلارنىڭ ھۆرمەت سالامىنى ئېلىپ كېلىپسىز. بۇنىڭدىن چەكسىز كۈچ - قۇۋۋەت ئالدىم، — دېدى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ.
— ئەل نامىدىن بۇيرۇلغان خىزمەتنى ئادا قىلىۋېتىپلا. ئەمدى مەندىن سورىماي خەلقتىن سورىغايلا ئالىيلىرى.
— ئەلۋەتتە، ئۇستاز. خەلقىمنىڭ ئىشەنچ - ئۈمىدىنى زىنھار يەردە قويمايمەن، — ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئۈچ قەدەم كەينىچە مېڭىپ، خوشلىشىپ ئۆزۈلدى.
بىر ھەپتىگىچە پېشقەدەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ، مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرىي باشلىق ئالىم - ئۆلىما، ئەدىب، مۇدەررىسلەر كېلىپ قۇتلۇقلاشتى.
— ھەزرەتلىرى جىممىدە كېلىۋاپلا، ئۆينى شۇنچە سېغىنىپ كەتكەنمۇ؟ — دەپ چاقچاق قىلدى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ.
— شۇنداق ئۇستاز. يېقىرنىڭ ئورنىدا ئۆزلىرى بولسىلا سېغىنمايتتىملا؟
ھەممىلان پاراقىندە كۈلۈشۈپ كەتتى. ھەزل چاقچاق خېلى داۋام قىلىپ، ئالىملارنىڭ ھاياجىنى بېسىلدى.
— مەن ئۇلۇغ ئانا ۋەتىنىمنى ئايلىنىش داۋامىدا بىر خورجۇن سوۋغات ئېلىپ كەلدىم، — دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆنى ئالىملارنىڭ ئالدىغا قويۇپ.
ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ ئېغىزلىرىنى يېشىپ خورجۇننىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ئىچى شېئىر يېزىلغان ۋاراقلار بىلەن لىق توشقانىدى.
— بارىكاللا، بارىكاللا. يولدىمۇ جىم ماڭماپتىلا — دە؟ — دېدى ئۇ.
— شائىرنىڭ جىم تۇرغىنىنى سىلى نەدە كۆرگەن بۇرادەر؟ ئالىم جىم تۇرسىمۇ، شائىر جىم تۇرمايدۇ، — گەپ قىستۇردى
مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرىي.
— راست، يولدا جىم ماڭغىلى بولمايدىكەن. بۇ ئۇلۇغ ئانا ۋەتىنىڭ چەكسىز ئۇزۇن يوللىرىدىن، دولقۇنلۇق دەريا، كۆللىرىدىن، قارلىق تاغ - داۋانلىرىدىن تېپىلغان شېئىر - بېيىتلەر. رەتلەپ بىر دىۋان قىلايمىكىن دەيمەن، — دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۈلۈمسىرەپ.
— بۇنىمۇ بۇغراخانغا تەقدىم قىلاي دەمسىز؟ — سورىدى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ.
— يوقسۇ ئۇستاز، بۇ دىۋاننى خەلققە تەقدىم قىلىمەن.
ئالىم - مۇدەررىسلەر بارىكاللا ئېيتىپ ئوزاشتى.
ئەمما، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بۇ بىر خورجۇن شېئىرنى رەتلەپ دىۋان قىلىش نېسىپ بولمىدى.
بۇغداي مايسىسى يەردىن ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن ئەتىياز مەزگىلى ئىدى. قەدىرداننىڭ كىتابخانىسىغا چاي كۆتۈرۈپ كىرگەن دىلداربىكە قەلىمىنى تۇتقان ھالدا ئۈستەلگە باش قويۇپ كۆرسىدە جىم ئولتۇرغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى كۆردى.
«چارچاپ ئۇيقۇغا كەتكەندەك قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ، ئاستا يېنىغا كەلدى. ھەرۋاقىت كىرگەن چېغىدا دەرھال قارايدىغان ئېرى شۇ تاپ ئۈن - تىنسىز جىمجىت ئولتۇراتتى. دىلداربىكە يۈرىكى ئېغىپ ئېرىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى.
— ئاتىسى — ئاتىسى، — دېدى ئۇ بوش تىترەك ئۈن بىلەن.
جاۋاب بەرمىگەندىن كېيىن پۈتۈن ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، — ئاتىسى! ئاتىسى!! بېگىم! بېگىم!! — دەپ توۋلىدى. ھەسرەتلىك ئاۋاز ھويلىغا ئاڭلاندى. قولىدىكى چۆگۈن يەرگە چۈشتى.
— ئاتىسى! ئاتىسى!!…
ئۇ جاۋاب بەرمەي جىم ئولتۇراتتى.
يىللاردىن بېرى ئۆزىنى ئاشكارا قىلمىغان يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى
ئېغىزمۇ ئاچۇرماي، ئۇ دۇنياغا جىممىدە ئېلىپ كەتكەنىدى. ھاياتىدا دەقىقىمۇ جىم تۇرمىغان مۇتەپەككۇر، شائىر ئەنە شۇنداق جىمسىپ قالغانىدى…
دىلداربىكەنىڭ يىغىسى قورۇنى لەرزىگە كەلتۈردى. يۈگۈرۈپ كىرگەن مىرزامانبەگ:
— ئابا، نېمە بولدى؟ — دەپ سورىدى.
— ئاتاڭ… — ئۇ سۆزلىيەلمەي قالدى.
— ئاتا! — ئاتا!! — مىرزامانبەگنىڭ ھەسرەتلىك ئاۋازى پەلەكنى قۇچتى. ئۇ ئاتىسىنى قۇچاقلىۋالدى.
مۇلازىملار، خىزمەتكارلار، دەھلىزلەر ئوردىغا، مەدرىسە، مەكتەپلەرگە، تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى يەتكۈزۈشتى.
دىلداربىكە:
— ئاھ! ھەمراھىم، بىزنى تاشلاپ كەتتىڭىزمۇ ھەمراھىم؟ ئوغۇللىرىڭىز تويىنى قىلماي كەتتىڭىزمۇ ھەمراھىم؟! — دەپ يىغلاپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى مىرزامانبەگ بىلەن كۆتۈرۈپ، ئالاھىدە سېلىنچىغا ياتقۇزۇشتى. ئېڭىكىنى قىپىپ، پۇتىنى چاتتى. ئۈستىگە ئاق يوپۇق يېپىپ قويدى. مىرزامانبەگ مەيدىسىگە باش قويۇپ:
— ئاھ! ئاتام، ۋاي ئاتام، مېھرىبان ئاتام، ئاكام يىراقتا ئەمسەمدى ئاتام، يۈزلىرىنى كۆرەلمەسمۇ ئاتام؟! — دەپ يىغلاپ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلدى.
ئېتىلىپ كىرگەن رۇستەمبەگمۇ ئۈستىگە تاشلىنىپ يىغلىدى. ھوشىدىن كەتكەن دىلداربىكەنى ئايال خىزمەتكارلار ھۇجرىسىغا ئاچىقىپ قويدى.
— ئاھ ئاتام، غەمگۈزار ئاتام، تۈنلىرى بىدار ئاتام، ئەلگە غەمخار ئاتام! — دەپ بالىلىرى بىلەن يىغلاپ كىرگەن بۇۋىئايىشە ئاتىسىنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتتى. ئۇنى دىلداربىكەنىڭ يېنىغا ئاچىقىپ قويۇشتى.
چاشكا ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ كۈن چىقمىغانىدى. ھاۋا تۇتۇلۇپ ئاسمان يۈزى گىرىمسەن بولۇۋالدى.
بۈگۈن بىلگە، بۇغۇچ ھاجىپ، ئەل كۆتۈرگەن تۇغ ھاجىپ! سىلى قېلىپ مەن ئۆلسەم، بولماسمىدى ئۆلۈچ ھاجىپ!
دەپ يىغلاپ ئىشىكتىن كىرگەن ھۈسەيىن پەزلىللا ئىبنى خەلەپ، مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرىي باشلىق ئالىم - ئۆلىما، ئەدىب، شائىرلار بىلەن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرىشكە كىرىشتى. قارا تون، ئاق سەللە ئوراپ ھازىدار بولۇپ كەلگەن ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىپ يېنىدا ئۇزاق ئولتۇردى.
بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ مېيىتىنى قىرىق شام يېقىلغان ساراي ئۆيىگە يۆتكەپ چىقىپ، يۇيۇپ كېپەنلىككە ئالدى. قىرىق مۇرتتەپ قارى «ياسىن» ئوقۇشقا كىرىشتى.
شەيخۇلىسلام نۇرىددىن داموللا ھاجى رىياسەتچىلىكىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مېيىتىنى جىنازىغا سېلىپ، قاردەك ئاپپاق يوپۇق ياپتى. ئۈستىگە ئاق ئەتىرگۈلدەك يۆگەلگەن سەللىنى قويدى. مىرتامانبەگ، رۇستەمبەگ جىنازىنىڭ ئالدىدىن، ئېلىزادەبەگ، ئوبۇل ئەلا تارتۇچى جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن كۆتۈرۈشۈپ يولغا چىقىشقا، يۈزلەنگەن، مىڭلىغان ئىخلاسمەنلەر ئارقىغا ئالدى.
دىلداربىكە، بۇۋىئايىشە ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخاننىڭ بايراقتەك كەلگەن خانىش، كېنىزەكلىرى، ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ خاتۇن - قىزلىرى بىلەن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، كۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي، يولدىن - يولغا ئۆتۈپ يىراقلاپ كېتىۋاتقان
مېيىتقا ئىنتىلىپ، زار - زار يىغلاپ ئۇزىتىپ قېلىشتى…
باش ئۈستىگە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن جىنازا ئالدىدا، توققۇز تۇغنى كۆتۈرگەن قارا قالپاقلىق ئەلەمدارلار، ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان، ۋەزىر - ۋۇزۇرالار، ئالىم، ئۆلىما، ئەدىب، شائىرلار باشلىرىنى سېلىپ، ھەسرەتلىك ئۈن بىلەن تەكبىر ئېيتىپ ماڭدى. جىنازىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىرىق قارى سۈرە «ياسىن»نى، سول تەرىپىدە قىرىق قارى سۈرە «تابارەك»نى قىرائەت قىلىپ قەدەم تاشلاشتى. جىنازىنىڭ ئوڭ - سول تەرەپلىرىگە يەتمىش غۇلاچلىق يەتتە ئارغامچا باغلانغانىدى. ئۇنى يەتتە يۈزدىن بىر مىڭ تۆت يۈز تالپ تۇتۇپ، ئاستا - ئاستا سىلجىشتى. جىنازا ئارقىسىدىن سۇباشى، سانغۇن، سەركەردە، سەردارلار، قىنىدىن سۇغىرىلغان قىلىچلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ قەدەم باستى. ئۇلار كەينىدىن تونلىرىنى تەتۈر كىيگەن تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن - كاسىپلار: «ۋادەرىخا، ۋاھەسرەتا…» دەپ يىغلىشىپ مېڭىشتى. ئاخىرقى سەپلەرنى تەشكىل قىلغان سىپاھلار، قاراۋۇل، ياساۋۇللار نەيزە - قىلىچلىرىنى يەرگە قارىتىپ ھەسرەت چېكىشتى. ھەرقايسى مەھەللىلەردىن، كوچا - كوچىدىن كەلگۈندەك يامراپ چىققان پايتەخت ئاھالىسى جىنازا ئەتراپىدا گويا بوران سوققان دېڭىزدەك دولقۇن ياسىدى. جىنازا تۆمەنلىگەن باش ئۈستىدە ئاق يەلكەندەك تەۋرىنىپ، ئاستا - ئاستا مەسچىتكە يېقىنلاشتى. ناماز پېشىنغە ئەزان چىقتى. جىنازا مەسچىتكە ئېلىپ كىرىلىپ سەيناغا قويۇلدى.
ناماز پېشىننى ئوقۇپ چىققان جامائەت مەسچىتنىڭ سەينا، كايۋانلىرىغا سىغماي قالدى. شەيخۇلىسلام نۇرىدىن داموللا ھاجى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى.
جىنازا مەسچىتتىن ئېلىپ چىقىلغاندا، ئاۋام خەلق نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ، ئايىغى ئۈزۈلمەس زور كارۋاننى تەشكىل قىلغانىدى. ئۆگزىلەرگە، دەرەخ، تام تۆپىلىرىگە چىقىۋالغان قىز -
يىگىتلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قويۇلدى. بۇ تۇيۇقسىز بولغان مۇسىبەت پۈتۈن ئەلنى يىغلاتتى. گۆرىمىسەن كۆك يۈزىنى بۇلۇت قاپلىدى. يەتتە ئاسماننىڭ ئىشكىلىرى ئېچىلىپ، پەرىشتىلەرنىڭ ياشلىرى ئاق يامغۇرغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇچار قۇشلار سايرامتىن توختاپ، چارپايلارمۇ يۇم - يۇم ياش تۆكۈشتى. قولدىن - قولغا يۆتكەلگەن جىنازا ئاخىر قەبرىستانلىققا ئېلىپ كىرىلدى. مېيىتنى ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ قاتارلىق ئالىملار جىنازىدىن ئېلىپ، تاش گۆردىكى ئېگىزلەرگە سۆنۈپ بەردى. ئۈچ گۆردىكى نۇرىدىن داموللا ھاجىغا سۆنۈپ بەردى. كېپەنلەرنىڭ شوينىلىرىنى يېشىپ، يۈزىنى قىبلىگە قارىتىپ قويغان شەيخۇلىسلام:
- ئەلھۇمدا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلھۇمدا! بىزىمۇ كېيىنلىرىدىن ئاللا دەرگاھىغا بارىمىز، - دەپ، ئىخلاس توپىسىنى ئۈستىگە چېچىپ، گۆردىن قايتىپ چىقتى. قۇرئان - تىلاۋەت قىلىنىپ، ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ دۇئائا قول كۆتۈردى:
- ئى ئىنساننى ياراتقان، ئالەمنى بىناد قىلغان قادىر خۇدا! ئادالەتنى جارى قىلغۇچى، ھەققىنىيەتنى قوغدىغۇچى، ئەھلى ئىسلام تايانچى، تەقۋادار ئالىم بەندەڭ ئارقىسىدىن دەرگاھىڭغا بارغۇچىلارمىز. پاكلاپ ئېلىپ كەتكەيسەن. ئامىن!
- ئامىن! - تۈمەنلىگەن جامائەتنىڭ گۆرۈلدىگەن ساداسى زېمىننى لەرزىگە كەلتۈردى. مەرھۇمانبېگ ئالىم - ئۆلىمالار ئالدىغا قول باغلاپ كېلىپ سورىدى:
- ئى كىشى قارا بۈزرۈكۋار، ئېيتىسلا، مېنىڭ مەرھۇم ئاتام قانداق ئادەم ئىدى؟ ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ جاۋاب بەردى: ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
تېنىمدىن چىقاردا مېنىڭ بۇ جېنىم، شاھادەت بىلەن كەس ئاخىرقى تېنىم،
ئۆزۈم يەر ئاستىدا قالغاندا تەنھا، تولا رەھمىتىڭنى ماڭا تۆك خۇدا①.
مەرھۇم ئاتىلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇنداق تەقۋادار، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغان، يامانلىق قىلمىغان، كامىل ئىمان ب thoseغۇچ، ۋەتەن، خەلقنى سۆيگەن بۈگۈ بىلگە ئىدى… مىرتامانبەگنىڭ مۇسىبەتتىن قايغۇغا چۆككەن ۋۇجۇد دەربىخى ئىپتىخار ئۆلكىدە قايتا باش كۆتۈردى. جامائەت توپ - توپ بولۇشۇپ قايتىشقا باشلىدى. باياتىن چوڭقۇر سۈكۈتتە كۆزلىرى ياشلانغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان قارىغاي دەرىخىنىڭ شەكىللىك چۈشۈرۈلگەن قىزىل تۇغنى قەبرە ئۈستىگە تىكتى: — ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز، ھەزرەتلىرى بىر ئۆمۈر بەجاندىل خىزمىتىدە بولغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بۇ تۇغى ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى نامايان قىلىپ، مەقبەرىلىرى ئۈستىدە لەپىلدەپ تۇرسۇن! ئەلۋىدا بۈزۈرۈكۋار، تىنچ ياتسۇنلار… — ئۇ يۇرتۇغ، جاندارلىرى بىلەن ئارقىسىچە مېڭىپ، مەقبەرىدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاشتى. مەقبەرە ئالدىدا قىرىق بىر قارى بىلەن ھۈسەيىن پەلۋانلا ئىبنى خەلەپ كاشغەرىي، مىرتامانبەگ، رۇستەمبەگلەر قالدى. تۆت ئەتراپ جىمجىت بولۇپ كەتتى. قۇشلارنىڭ مۇڭلۇق سايرىشىمۇ توختاپ قالغانىدى. پەقەت غۇيۇلداپ تۇرغان كۆزنىڭ سىلىكىنى ھەسەرلىك يۈزلەرگە ئۇرۇپ چۈشكەن ياشلارنى ئېرىتەتتى…
① «قۇتادغۇ بىلىك» 394 - ، 395 - بېيىتلەر.
— بالىلىرىم، ئىنسان گورگە كىرمىگۈچە ئارام تاپالمايدۇ. ئۆمرۈمنىڭ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدىم، — دېدى ئالىم ۋە قايغۇغا چۆمگەن يىگىتلەرگە قاراپ ۋە بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
بۇ دۇنيا قونالغۇ، ئۆزۈگسەن كارۋان، قونالغۇدا كارۋان قانچىلىك تۇرغان؟①
ئۇ بىردەم سۈكۈت قىلىپ، ئاپپاق ساقىلىنى سىيپاپ — سىيپاپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسەرلىرىدە قەيت قىلغاندەك بۇ قونالغۇدا كۆپ تۇرمىغان بولساقمۇ، چىن ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئۆزۈلگەن ئۇلۇغ ئادەم، ئۇلۇغ ئاتا، بۈگۈن بەلگە، ئۇ ئارام تاپتى. سىلەر ئەمدى نېمە قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ — ئۇلۇغ ئاتىمىزدەك، ئادالەتنى قوللاپ، ھەقىقەتنى ياقلاپ، ئەل خىزمىتىگە كۆكرەك كېرىپ، مەيداندا بولۇپ ياشىماقچىمىز، — دېيىشتى ئۇلار قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ. — بارىكاللا! بارىكاللا! ئەزىمەتلىرىم. ئۆزىگە ئىشەنگەن ئەلنى سۆيگەن ئۈمىدۋار بەندىسىنى تەڭرى تىلىكىگە يەتكۈزىدۇ. مەيداندا بولۇپ كامال تېپىڭلار! — دېدى ھۈسەيىن پېشۋا غېنى خەلىپ كاشغەرىي يىگىتلەرنى ئىككى قولى بىلەن باغرىغا تارتىپ. قۇياش بۇلۇت قېتىدىن چىقتى. ئۇنىڭ ئىسسىق نۇرى دەسلەپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ئۈستىدىكى بىر دۆۋە تۇپراققا چۈشتى. بارا — بارا يېيىلىپ ئەزىزانه قەشقەر دىيارىنى قاپلىدى…
2002 — يىلى 6 — ئايدا يېزىلىپ تامامىلاندى. 2015 — يىلى 2 — ئايدا قايتا تۈزىتىلدى.
① «قۇتادغۇ بىلىك» 1443 — بېيىت.
خاتىمە
يېشىل كاھىشتىن قوپۇرۇلغان پەشتاق - گۈمبەزلىك كاتتا مەقبەرە يىراقتىن كۆرۈنۈشى بىلەنلا، چار ساقال، سالاپەتلىك بىر مۇيسىپىت ئاتتىن چۈشۈپ ماڭدى. يول چېتىدىكى ئۈجمە، جىگدە دەرەخلىرىگە كۆز سالغان ھالدا، ئىككى يېنىغا ئېگىز مۇنار قوپۇرۇلغان گۈمبەز - پەشتاقلىق چوڭ دەرۋازا ئالدىغا كېلىشىگە، چېكەمەن تون كىيگەن بىر جارىپ ① سالام بېرىپ، ئونىڭ قولىدىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى ئالدى.
— جانابلىرى ئىستىقامەت قىلغىلى كەلدىلىمۇ؟ — دەپ سورىدى ئۇ.
— پېقىر بۇرادىرىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ روھىغا دۇئا قىلغىلى كەلدىم، — جاۋاب بەردى مۇيسىپىت.
— ھەزرەتلىرى كىم بولىدۇلا؟
— مەھمۇد تېكىن.
— مەھمۇد تېكىن؟ ھە! ئۆزلىرى مەۋلانا مەھمۇد كاشغەرىي ئوخشىماملا؟ پېقىر بۇ مۇبارەك نامنى كۆپ ئاڭلىغان.
— شۇنداق، تەقسىر.
جارىپ دەرھال ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ئىسسىق چىراي كىشى بىلەن تىنچلىق - ئامانلىق سوراشتى.
— قېنى مەرھەمەت قىلسىلا ھەزرىتىم، ئاتلىرىنى ئېغىلغا ئەكىرىۋېتىپ، تاھارەت ئېلىشقا سۇ تەييارلاپ بېرەي.
① جارىپ — مەسچىت، مازارلارنىڭ تازىلىق مۇھاپىزىتىگە مەسئۇل خادىم.
— رەھمەت، تەرىتىم بار، — مەھمۇد كاشغەرىي ئات ئۈستىدىن نەپەس تىكمىگەن گىلەم خۇرجۇننى ئالدى.
جارىپ ئاتنى ئېغىلغا يېتىلەپ كېتىپ كەتتى. دەھلىزنىڭ ئوڭ يېنىدىكى پەنجىرىلىك ئۆيدىن بويىلوق، قارا ساقال كىشى چىقىپ، مەھمۇد كاشغەرىيگە سالام بەردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەۋلانە، ھۇجرىغا مەرھەمەت قىلسۇنلەر.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شەيخ. ئاۋۋال بۇرادىرىمنىڭ روھى بىلەن دىدار مۇلاقات بولمىقىم خوپتۇر، — دېدى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يېشىل گۈمبەزلىك مەقبەرىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ پەنجىرىلىك ئىشىكتىن جىمجىت گۈمبەز ئىچىگە قەدەم باستى.
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادىرىم. ئارام ئېلىۋاتامسىلا؟ — ئۇ قەبرىگە قاراپ سالام بېرىپ قايغۇلۇق سۈكۈتتە تۇردى. كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ دېدى، — پېقىر ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخاننىڭ قايتا — قايتا تەكلىپ قىلىشى بىلەن باغداتتىن يېنىپ كەلسەم، ئۆزلىرى ئۇ دۇنياغا كېتىپ قاپتىلا. ماڭا يادىكار قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق تەۋەررۈك كىتابلىرىنى يۈزلىرىنى كۆرەلمەي ئارماندا قالغان ھاجىپ ئوغۇللىرى بەگتۈرمۈش ماڭا تاپشۇردى. ئوقۇپ پاراسەت، جاسارەتلىرىگە بارىكاللا ئېيتتىم. پادىشاھلارغا يول كۆرسىتىدىغان، ئاۋام خەلققە قۇت بەخش ئېتىدىغان ئالەمشۇمۇل خىسلەتلىك دەستۇر بوپتۇ. ئۇنى ھېكمەتلەر خەزىنىسى بىلىپ شاگىرتلىرىمغا دەرس قىلىپ ئۆتۈۋاتىمەن، — ئۇ سۆزىنى توختىتىپ، خۇرجۇندىن مەخمەل جىلىتقا سېلىنغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابنى ئالدى، — بۇ باغداتتا تەسنىپ قىلىنغان كىتابىم. خەلىپىگە بىرنى تەقدىم قىلغانىدىم. ئۆزلىرىگىمۇ بىرنى ئېلىپ كەلدىم. قوبۇل قىلغايلا، — ئۇ كىتابنى يەنە جىلىتقا سېلىپ، خۇددى كىشىنىڭ ئۆز قولىغا بېرىۋاتقاندەك ئۆزۈتۈپ قەبرىنىڭ نەقىش چېكىلگەن كاھىشلىق
سۈپىتىگە قويدى، — كاشكى — كاشكى… ھايات بولغان بولسىلا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن، مۇڭداشقان بولاتتۇق. كاشكى — كاشكى…
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ياش قەبرىنى يۇدى. ئۇ سۇرە «ياسىن» ئوقۇپ ئۇزاق دۇئا قىلدى.
مەقبەرىدىن يېنىپ چىقىشىغا شەيخ ئالدىغا كەلدى.
— كەچۈرسىلە ئۇستاز. ئۆزلىرى مەۋلانا مەھمۇد كاشغەرىي ئىكەنلا. بايا بىلمەي قاپتىمەن، ھېلى جارىپتىن ئۇقتۇم. ھۇجرىغا مەرھەمەت قىلغايلا.
— رەھمەت شەيخ، پېقىرنى شاگىرتلىرىم كۈتۈپ تورىدۇ. يەنە بىر كەلگەندە ھۇجرىلىرىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ كېتەي. بۇرادىرىمنىڭ مەقبەرىسىگە ياخشى قارىغانلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقىلى كېلىمەن.
مەھمۇد كاشغەرىي ئاتنى يېتىلەپ كەلگەن جارىپتىن تىزگىننى ئالدى. شەيخكە قاراپ:
— ئۆزلىرى كىم بولىلا، مۇبارەك ئىسىملىرى نېمىكەن؟ — دەپ سۇرىدى.
— پېقىر ھەزرىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاگىرتى سۇلتانبەگ بولىمەن، ھەزرەتلىرى.
— ئاتىلىرى كىم؟
— ئاشانبۇقا.
— بىلىمەن. قۇزئوردۇغا بارغىنىمدا ئۆيىدە مېھمان بولغان. ھازىر بارمۇ؟
— ئالدىنقى يىلى بىر يۈز يىگىرمە تۆت يېشىدا ۋاپات بولدى. ئاتامنىڭ ۋەسىيەت قىلىشى بىلەن ئوردۇكەنتكە كېلىپ، ئۇستازىمنىڭ مازىرىدا، روھىغا ھەمراھ بولۇپ ئىستىقامەت قىلىۋاتىمەن.
— ئارى، رۇستەمبەگنى بىلىمەن. ئۇ ناھايىتى ئىخلاسمەن تالىپ. يەنە بىر كۆرۈشكۈچە خەير، كۆڭۈل تاپىسۇنلەر ! — دەپ
970
خوشلىشىپ، ئوزاپ ماڭدى مەھمۇد كاشغەرىي.
ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇرادەرىنىڭ مەقبەرىسىگە كېلىپ تۇردى. ئالىملارغا، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا بۇ ئۆدۈم بولۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەر زىيارەتكە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرى يىللىرى ئاۋاتلاشماقتا…
ئاتام مېنى دەسلەپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىگە ئېلىپ چىققاندا يەتتە ياشلىق بالا ئىدىم. «بالام، بۇ ئۇلۇغ مازار، كىمكى بۇ مازاردا ئاللاھقا سېغىنىپ چىن قەلبىدىن دۇئا قىلسا، ئارزۇ - تىلىكىگە يەتمەي قالمايدۇ» دەپ تۈنەپ چىققانى ھېلىمۇ يادىمدا. كېيىن مەنمۇ بۇ ئۇلۇغ مازارغا پات - پات چىقىپ، شائىر بولۇش ئارزۇيۇمغا يەتكۈزۈشىنى تەڭرىدىن تەلەپ دۇئا قىلىدىغان بولدۇم.
بۇ مازاردا ياتقان زاتنىڭ ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر شائىر، كاتتا دۆلەت ئەربابى، غەيۇر ئىسلاھاتچى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋام ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدىن كېيىن بولسا، ئاڭا بولغان سەمىمىي ھۆرمەت، مۇھەببىتىم، پەخىرلىنىش تۇيغۇم، غۇرۇرۇم، ھەمىشە ئۇنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان بولدى. ھەر قاچان مەقبەرىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۆزۈلگەن ئۈمىدىم ئۆلۈنۈپ، ئارزۇ - تىلەكلىرىم قاناتلىنىپ، تانا تېنىمنىڭ پارلاق گۈزەل كېلەچىكى ئالدىمدا نامايان بولاتتى. شېرىن ھېسلارغا چۆمۈلەتتىم. تەڭرى مېنى شائىر بولۇش ئارزۇيۇمغا يەتكۈزگەن ئاشۇ يىگىتلىك چېغىمدا، ئوشتۇمتۇت چىققان قارا قۇيۇن ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ بىلىم تەھسىل قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرمىدى. پېقىرنى ئۇچۇرۇپ، چۆللەرگە تاشلىدى. گۇناھسىز ياشلىقىم، يولغۇن كولاپ، توغراق كېسىشكە مەجبۇر قىلىنىپ، قاغجىرىغان تۇپراققا سىڭىپ كەتتى.
قۇرۇق قاقشال چۆلدىن ئەزىزانه قەشقەرگە كېلىپ كۆرگىنىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنىڭ خارابىسى بولدى.
پادىشاھلارنىڭ ئوردا، مەقبەرىلىرى، مەسچىت، مەدرىسەلەر
ئورنىغا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىلىرى ئىلگىرىكىدىنمۇ ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈردى! سىردىشىدىغان، ئىلھام ئالىدىغان خىلۋەت جاي يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى بولدى. «ئالتۇن ئاچقۇچ»، «قاناتلانغان تىلەك»، «ھېيتگاھتا ھېيت كۈنى»، «سۈزۈك ئاراملار» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىم، «بوغدا قىزى» ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمىم، «جۇدالىق»، «سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرىممۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىدە ئىزھار قىلىنغان ئوتلۇق تىلەكلىرىمنىڭ، ۋەتەن، مىللەتكە بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتىمنىڭ يالدامىسى بولۇپ قالدى.
ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە بىر رومان يېزىش ئۈستىدە بولساممۇ، نامىشەرىپىگە لايىق يازالارمەنمۇ دېگەن ئويدا، خېلى ۋاقىتقىچە قەلەم تەۋرىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدىم. دوست - بۇرادەرلىرىمنىڭ سەمىمىي دەۋىتى بىلەن بۇ ئۈستەك قەلب سارىيىمدا ئوتلۇق ئىشتىياققا ئايلىنىپ قەتئىي نىيەت، ئەزگۈ تىلەك بىلەن ئىرادە كەمىرىنى باغلىدىم.
ئولتۇرسام، قوپسام: «تارىخ تۈگەن، يېزىشقا تۇتۇن» دېگەن سادا قۇلىقىمغا ئاڭلانغاندەك بولۇپ، ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. بىلدىمكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلۇپ ۋاپات بولغۇچە، ئون بۇغرا قاراخان ئۆتكەنىكەن…
20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى - 1999 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەقبەرىگە كىرىپ، ئالىمنىڭ روھىغا دۇئا قىلدىم ۋە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ناملىق تارىخىي رومانىمنىڭ تۇنجى بېتىنى قەبرە سۇپىسىدا يېزىپ، بۇ خاسىيەتلىك ئىشقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، ئۈمىد بىلەن كىرىشتىم. 2002 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا يېزىپ تاماملىدىم. ئەلھال، ئاشۇ چاغدا ئاتمىش ئۈچ ياشقا قەدەم باسقانىدىم.
«كاتتا ئىش قىلدىڭىز» دېيىشتى دوستلار.
ياق، مەن كاتتا ئىش قىلمىدىم. پەقەت بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم، خالاس. كاتتا ئىش قىلىش ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىدە…
مەن بۇ رومانىمنى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ شەنىگە بېغىشلىدىم. ئوقۇرمەنلىرىم ئوقۇپ، ئىلىم - ھېكمەتكە يۈرۈش قىلىپ، ئەل - خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ كامال تاپقاي.
2015 - يىلى 5 - ئاي