ھاجى مىرزاھىد كېرىمىي
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
1
(رومان)
شىنجاڭ خلق باش نەشرىياتى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
كىرىش سۆز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر!
ھاۋا گۈلدۈرلىمىسە يامغۇر ياقمايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقانداق ۋەقە، ھادىسە سەۋەبسىز بولمايدۇ. دوست - يار، بۇرادەرلىرىمنىڭ دەۋىتى، قوللىشى بولمىغان بولسا قەتئىي ئىرادە، كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» رومانىنى يېزىشقا كىرىشمىگەن بولاتتىم.
ھەممىمىزگە مەلۇم، تارىخىي تېمىدا رومان يېزىش بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى خىزمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەن مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئەڭ بۈيۈك سىيمالارنىڭ بىرى بولغان ئالىم، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بولغان كۈچلۈك ئىخلاس - ئەقىدەم بىلەن بۇ روماننى رۇياپقا چىقاردىم. ئەلۋەتتە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ «بۇ ئەسەرنىڭ تارىخىي مەنبەسى بارمۇ؟ قانداق يازمىلاردىن پايدىلاندىڭىز؟ بۇ روماندىكى ۋەقەلەر، تەسۋىرلەنگەن ئادەملەر تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇنمۇ؟ يېزىشىڭىزدىكى مەقسەت - مۇددىئا نېمە؟» دېگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇقەررەر. بۇ قېتىم «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» رومانىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى قىسمىدىن ئىبارەت تولۇق نۇسخىسى نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆلاردا قانائەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بۇ كىرىش سۆزنى يېزىشنى زۆرۈر تاپتىم.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ — ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيەت تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ
ئالىم، ئىستېداتلىق شائىر، ۋەتەنپەرۋەر دۆلەت ئەربابى، يەنى دەۋردىكى مەرىپەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئىسلاھاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ياد ئېتىلىپ، ھۆرمەتلىنىپ كەلمەكتە. كەلگۈسىدىمۇ ئەۋلادلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان مەنىۋى ئۇستازى بولۇپ قالغۇسى.
مەن ئۆزۈمنىڭ ھايات پائالىيىتىدىن خاتىرە قالدۇرمىغان بۇ كەمبەغەل، ئالىيجاناب ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىش، چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل داستانى «قۇتادغۇ بىلىك»نى قايتا - قايتا ئوقۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلدىم، بۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمىغا بولغان ھۆرمەت - مۇھەببىتىم قەلبىمدە تاشقىن ياسىدى. ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان قاراخانىيلار تارىخىغا ئائىت بولغان: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «سەلجۇقىيلار تەزكىرىسى»، «غەزنەۋىيلەر تەزكىرىسى»، «تارىخ ئاتالغۇلىرى تەرجىمە قوللانمىسى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» قاتارلىق كىتاب، تەزكىرە، رىۋايەتلەرنى توپلاپ، كۈندۈزنى كېچىگە، كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ، مۇلاھىزە قىلىپ، پىكىرلەر قاينىمىغا، خىيال دېڭىزىغا شۆڭغۈپ ئۈزدۈم … شۇ ئۆزگىچە يىراق ئۆتمۈشتىكى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تۇمانلىق قاراڭغۇسىغا بېرىپ توختىدىم. بۇ خاندانلىقنىڭ نەسەبنامىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ كۆز يۇمغۇچە ئۆتكەن پادىشاھنى (بۇغرا قاراخاننى) باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدىم.
نەتىجىدە ئۆمۈربويى خەلق غېمىنى يەپ، ئەل ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ئۆز مەملىكىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ ئۆتكەن بۇ دانا ئۇستازنى بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشەندىم. ئۇنىڭ ھارماي - تالماي ئۆگىنىش، ئىزدەنىش، تەتقىق قىلىش، ئىجاد قىلىش روھىنى، مۇستەھكەم
تۈزۈم، قالاق خوراپىي ئادەت - يوسۇن، بولمىغۇر زىيانلىق قىلىقلارنى ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى پىداكارلىقنى، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق قىيىن شارائىتتا ئۈمىدسىزلەنمەي، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئايانماي كۆرەش قىلىش ئىرادىسىنى ۋە ئون بۇغراخان زامانىسىدىكى ئوينىغان رولىنى ئەۋلادلارغا ھېكايە قىلىپ بېرىش ئۈستىدىكى كۆڭلۈمنى ئېگىلەپ، ئىچىمگە بىر ئوت چۈشتى … شۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ناملىق بۇ تارىخىي روماننىڭ ئۆزگە قۇرۇلمىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەينى زاماندىكى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش ھەقىقىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئوتلۇق ئىشتىياق، يۈكسەك ھۆرمىتىم بىلەن بۇ قۇتلۇق ئىشقا تۇتۇنغىنىمدىن روھلاندىمكى، ھېرىش - چارچاش ھېس قىلمىدىم.
ھەيھات! يۇلتۇزلۇق كۆڭۈل ئاسمىنىمدا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىدى. يالىلداپ چاقماق چاقىپ لەرزىگە كەلگەن ۋۇجۇد قەلئەمنى يورۇتتى، تاراھلاپ ياغقان يامغۇر قەلب دەرىزەمنى يۇدى. مەشئەتەك ئاق بەتلىرگە يۈرەك قېنىم سىرغىپ، بۇ تارىخىي رومان يېزىلىپ تامامىلاندى ۋە ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ ئەسەردە قاراخانىيلارنىڭ نەسەبنامىسى بىلەن بىللە مۇتەپەككۇر، ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر دانىشمەن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش جەريانى ھەمدە قارا نىيەت، ئاسى، سۈيقەستچى جاھالەت تەرەپدارلىرىنىڭ ھەققانىيەت، ئادالەت، مەرىپەت كۈچلىرى تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيادىن ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئەۋلادلارغا قىلىنغان بۇ سوۋغاتىم بىلەن 21 - ئەسىرگە
قەدەملىرىمدىن ئىپتىخارلانغان چېغىمدا، ھەر جەھەتتىن ماڭا ياردەم قىلغان، مەدەت بەرگەن، ساۋاقداش، سەپداش، دوستلىرىمغا، ئوقۇغۇچى - شاگىرتلىرىمغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.
ئاي يۈزىدە داغ بار. كۈنمۇ بەزىدە تۇتۇق، بەزىدە ئوچۇق بولىدۇ. ئىنسانمۇ ئۆز نۇقسانى، ئىللىتى بىلەن ئىنساندۇر. ئەلۋەتتە، يېقىننىڭ بۇ ئەسىرىمۇ نۇقساندىن خالىي بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ بىر قىسىم ۋەقە - ھادىسىلەر ھەققىدىكى يىلنامىلەرنى تامامەن توغرا ۋە مۇتلەق دەپ ئېيتالمايمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك، سەمىمىي پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، قولۇم كۆكسۈمدە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
مۇئەللىپ
مۇندەرىجە
| بىرىنچى باب جەڭگاھتىن كەلگەن خەۋەر | 1 | | ئىككىنچى باب سەمەر جەمىيەتلىكنى بۇزغان سېھرىلىك تۈن | 24 | | ئۈچىنچى باب ئاتا ئۈمىدى | 64 | | تۆرتىنچى باب ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ئەجەل | 89 | | بەشىنچى باب مەنسۇرخان تەختكە چىققاندا | 118 | | ئالتىنچى باب رەقىبگە غالىب كەلگەن ئەزىمەت | 143 | | يەتتىنچى باب قارا سېكىلەكلىك بالا | 164 | | سەككىزىنچى باب ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇش | 194 | | توققۇزىنچى باب مۆشۈك بەزدىن يەنە قورۇق قالدى | 220 | | ئونىنچى باب نورۇزدا بولغان قوش توي | 246 | | ئون بىرىنچى باب بۇغرا قاراخاننىڭ سوۋغىسى | 261 | | ئون ئىككىنچى باب بەختى كەلگەن نازىنىڭ | 301 | | ئون ئۈچىنچى باب بۆرە تەگكەن | 333 | | ئون تۆرتىنچى باب ئاسىلىق | 352 | | ئون بەشىنچى باب مەلىكۇل مەشرىق ھۇزۇرىدا | 401 | | ئون ئالتىنچى باب ئوردۇكەنت | 424 | | ئون يەتتىنچى باب قان تامچىلىغان يۈرەك | 462 | | ئون سەككىزىنچى باب باغدىكى قوش قەبرە | 491 | | ئون توققۇزىنچى باب ئەلنى يىغلاتقان مۇسىبەت | 518 | | يىگىرمىنچى باب چىن مۇھەببەت | 555 | | يىگىرمە بىرىنچى باب كېچە كۆز ئاخشىمىدا ئوقۇلغان نىكاھ | 583 | |يىگىرمە ئىككىنچى باب بۇغرا قاراخان نامىدىن يېزىلغان مەكتۇپ | 614 | |يىگىرمە ئۈچىنچى باب ئەل غېمىدە ئۆتكەن ئۆمۈر | 647 | |يىگىرمە تۆرتىنچى باب ھەي، ئادەملەرنىڭ نىيىتى | 666 | |يىگىرمە بەشىنچى باب نادامەتلىك پۇشايمان | 689 | |يىگىرمە ئالتىنچى باب ئابىنچۇ خوتۇننىڭ قەستى | 716 | |يىگىرمە يەتتىنچى باب قانغا بويالغان دەشت | 749 |
بىرىنچى باب: جەڭگاھتىن كەلگەن خەۋەر
1
بېشىغا دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيگەن يىگىت مىنگەن قاراگىر ئېگىز تاغ باغرىدىكى چىغىر يولدا ئۇچقاندەك چېپىپ باراتتى. تاشقا تەگكەن ئات تۇيىقىدىن ئۇچقۇن چاچرايتتى. يولنىڭ ئوڭ تەرىپى قىيپاش كەتكەن سايلىق بولۇپ، ياپيېشىل قارىغاي، ئارچا دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغانىدى. بىر تارام سۇ ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇراتتى. سول تەرەپ بولسا تۈزلەڭ — كۆز يەتكۈسىز يايلاق ئىدى. توڭ ئېرىپ، تۇپراق ئىللىپ، ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن يۇمران گۈل - گىياھلارنى كۆكلەم سەلكىنى يەلپۈندۈرەتتى. قوي، كالا پادىلىرى، توپ - توپ يىلقىلار ئوتلاۋاتاتتى.
ھەر تامانغا كۆز سېلىپ كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ دىمىقىغا تۇپراقنىڭ خۇش ھىدى ئۇرۇلاتتى. ئۇ تىزگىننى بوش قويۇۋەتتى، قاراگىر يورغىغا چۈشتى. تاغ قاپتىلىدىكى دوقمۇشتىن قايرىلىشىغا، يايلاقتىن كەلگەن بىر توپ كېيىك شوخلۇق بىلەن سەكرەشكەنچە چىغىر يولنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاتنى ئۈركۈتۈۋەتتى. قاراگىر قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇپ، ئالدى پۇتلىرىنى ئېگىز كۆتۈردى - دە، كىشنەپ چاپچىدى. يىگىتنىڭ تېقىمى ئېگەردىن كۆتۈرۈلۈپ، يانپىشىغا ئېسىلغان قىلىچ پولاڭشپ كەتتى. يەلكىسىگە ئېسىقلىق تېرى ئوقداندىكى قىزىل پۆپۈكلۈك ئوقلار بىر - بىرىگە سوقۇلدى: «بولدى بايقۇش،
1
يولۋاس توپىغا ئۇچراپ قالغاندەك نېمانچە قىلىسەن؟ بۇ جانۋارلار سەن بىلەن ماڭا زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دېدى يىگىت تىزگىننى تارتىپ. قاراگر ئۆياق - بۇياققا بويۇنداپ قاراپ تىنچلانغاندا، كىيىكلەر پىتراپ قېچىپ قارىغايلىق ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. يىگىت يەلكىسىدىن يانى، ئوقداندىن ئوقنى ئېلىپ قارىغا ئېلىپ ئاتتى. كۆز يىتىم يەردىكى چىنار دەرىخى تۈۋىدە بىر كىيىك يىقىلدى. يىگىت غازاڭ، قۇرۇق شاخلار ئۈستى - ئۈستىگە بېسىلىپ كەتكەن يەرگە سەكرەپ چۈشتى. تىزگىننى ئېگەرنىڭ قوش بېشىغا ئېلىپ قويۇپ، ئاتنى مەيلىگە قويۇۋەتتى. ئاندىن بېرىپ تىپىرلاپ ياتقان كىيىكنى بوغۇزلىدى، ئىسسىق قان چىنار تۈۋىگە يېيىلدى.
«شۈكۈر، بۇ ئۇزۇن يولدا تاماقتىن قالمىدىم، رىزقىمنى خودا ئۆزى يەتكۈزۈپ بەردى» يىگىت شۇنداق ئويلاپ كىيىكنى تۈلۈمچىلەپ سويدى، گۆشلىرىنى پارچىلىدى، «نېمىدېگەن سېمىز، تېخى يېشىغا يەتمىگەن ئوغلاق ئىكەن جانۋار، ئەمدى كاۋاپ قىلىپ يەي.»
يىگىت قۇرۇق تاش چاقماق بىلەن قۇرۇق شاخلارغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ غولا سالدى، ئاتقا ئارتىلىق قىسق خورجۇننى ئېلىپ، لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىغان ئوتنىڭ يېنىغا كەلدى. خورجۇندىن مىس چۆگۈن، چۆچەك①، ئىككى تال زىخ بىلەن بۇغداي ئۇننىڭ تالقىنىنى ئالدى. ئېقىندىن مىس چۆگۈنگە لىق سۇ ئېلىپ كېلىپ ئوتقا قويدى. زىخقا ئالقىنىدەك كېسىلگەن گۆشنى ئۆتكۈزۈپ، ئوتقا قاقلاپ پىشۇردى. كاۋاپ پۇرىقى تاغ باغرىنى بىر ئالدى.
ئۇ قۇرۇتۇلغان يالپۇز، رەيھان ۋە زەپە ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان چاينى ھېلىلا قاينىغان چۆگۈنگە سېلىپ دەملىدى. ياغاچ قوشۇق بىلەن بىرنەچچە كاپام تالقان يەپ چاي ئىچكەندىن كېيىن،
① چۆچەك — ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان قاچا.
پىژىلداپ پىشقان كاۋاپقا ئېغىز تەگدى.
قارىغايلاقتىن كېلىۋاتقان تورغايلارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىغا مەھلىيا بولغاچ مەززىلىك كاۋاپنى يەپ تۈگەتكەن يىگىت زىخقا يەنە گۆش ئۆتكۈزۈپ ئوتقا قاقلاپ قويدى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ ئۆزىنى سوۋۇتۇۋاتقان قاراگرنىڭ يېنىغا بېرىپ يۆگىنىنى ئالدى - دە، بوينىغا توغرانى ئېسىپ قويدى. ئات گاراچلىتىپ بوغۇز يېيىشكە باشلىدى.
ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى، دەل - دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلىشى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايرىشلىرى بەجايكى ئەللەي ئېيتقاندەك بولۇپ، يىگىتنى مۆگدەك باستى.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر كەمەدە قاراگرنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى ئۇنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتتى. يىگىت كۆزىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپ قارىۋىدى، قارىغايلاقتىن چاپچىپ چىققان ئاتقا كۆزى چۈشتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تىزگىننى تۇتۇۋالمىغان بولسا، ئات چۆگۈننى ئۈرۈۋەتكەن بولاتتى. ئات بۇرۇنچىسىنى پۇشقۇرۇپ، ئىگىسىگە مۆلدۈرلەپ باقتى. يىگىت بۇ ۋاپادار ئېتىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدىن «بوغۇزنى يەپ بولدۇم، توغرانى بوينۇمدىن ئېلىۋەت، ئەمدى ئوت يەي» دېگەن مەنىنى چىقاردى. يىگىت توغرانى ئېلىۋېتىپ، «ئوتلىۋالسۇن، دەپ ئاتنى قويۇۋەتتى. لېكىن، قاراگر كەتكەي يەر تېپىپ، ئارقىسىغا قايرىلىپ قارىدى. يىگىت «نېمە دەيسەن جانىۋار؟ بىرەر شەپە سەزدىڭمۇ؟ ئەجەب جەھدە ئۆلگەن ئاق قاشقا ئېتىمدەك ماڭا كۆيۈنۈپ كېتىۋاتىسەنغۇ. تېخى تۈنۈگۈن ئەتەگەن ئۆتەڭدىن مىنىپ چىققان تۇرسام سېنى…» دېگەندەك قىلىپ، قاراگرنىڭ پېشانىسىدىكى ئاق قاشقىسىغا نوقۇپ قويدى. بۇ ئورخون دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن يولغا چىققاندىن بېرى ئۆتەڭلەردە ئالماشتۇرۇپ مىنگەن توققۇزىنچى ئات ئىدى. يىگىت ئونى ئىككى كۈندىن بېرى مىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئادەملەرنىڭ مىجەزى ئوخشىمىغاندەك ئاتلارنىڭمۇ مىجەزى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ،
بىرى چىشلىگەك، بىرى تەپكەك، بىرى ياۋاش، بىرى سوكسۇك، بىرى يورغا، يەنە بىرى مۆڭگەك… كېلىدۇ. قاراگر بولسا شاش، يۈگۈرۈك ئىدى. ئات كىشنەپ يەنە ئارقىسىغا قارىدى. يىگىتمۇ ئۆرۈلۈپ قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا قىلىچىنى قىنىدىن شارت قىلىپ سوغۇردى. ئۇ تاغ قاپتىلىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ ئېيىق بىلەن ئۇلارنىڭ مەردەك①لىرىنى كۆرگەنىدى. چوڭ ئېيىقلار خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتلاپ مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. يىگىت قىلىچىنىڭ ئۇچىنى تۆۋەن قىلىپ يەرگە تۇرغانىدى، تەك سانجىلىپ قالدى، ئاندىن قاراگرنىڭ ئىككى بېقىنىغا تېپىپ قويغان نەيزە بىلەن ئومۇتنى ئالدى، نەيزىنى چىنار دەرىخىگە يۆلەپ قويدى، نەيزىنىڭ ئۇچىغا قۇتاز قۇيرۇقى چىگىپ قويۇلغانىدى. يىگىت ئومۇتنى كۆتۈرۈپ سالماق قەدەم تاشلىدى. ھۆركىرەپ كېلىۋاتقان ئېيىقلار جايىدا شاپپىدە توختاپ قالدى. يىگىت قاچقان بولسا ئۇلار قوغلايتتى. ئۇ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. سۇر رەڭ چوڭ ئېيىق يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا قاراپ قويۇپ، ئالدى پۇتلىرىنى يەرگە قويدى. يىگىتكە يېقىنلاپ كەلگەندە، ئالدى پۇتلىرىنى يەنە ئېگىز كۆتۈرۈپ ھۆركىرەپ ئېتىلدى. يىگىت چاقماق تېزلىكىدە ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ياندىن ئايلىنىپ كەلگۈنچە ئېيىقنىڭ بېشىغا ئومۇت ئوردى. سۇر ئېيىق ھەرىدەكلا دەرەختەك پۇلاڭشىپ يىقىلدى. يىگىت ئومۇتنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ يەنە بىر چوڭ ئېيىقنىمۇ ئۇرۇپ يىقىتتى. ئەمدى ئىككى مەردەك قالغانىدى. ئۇلار يىقىلىپ ياتقان ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىشتى. بۇ بالا ئېيىقلار مەھدەم بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن، ئانا ئېيىقنىڭ كۆكسىگە مىنىپ خەنجەر سۈرمەكچى بولغان يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىشتى، ئارقا پۇتلىرى بىلەن تىزلىنىپ، ئالدى پۇتلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتى. گويا يېلىنىپ ئەپۇ سورىغان تەرزدە كۆزلىرىدىن
① مەردەك ئېيىق بالىسى.
يۇم - يۇم ياش تۆكۈپ باشلىرىنى ئېگىشتى. تېپىرلاپ ياتقان ئانا ئېيىق بىلەن ئادەمدەك يۆلەنگەن ھالدا يىغلىشىپ يېلىنىۋاتقان مەردىكەرگە كۆز يۈگۈرتكەن يىگىت بىردىنلا خەنجىرىنى غىلىپىغا سالدى.
— سىلەرمۇ خۇدانىڭ مەخلۇقلىرى، بۇ نۆۋەت بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچەي، ئىككىنچى يولۇمنى توسقۇچى بولماڭلار. ئەگەر يولۇمنى يەنە توسۇيدىكەنسىلەر، بېشىڭلارنى تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىپ، تېرىڭلارنى جۇۋا قىلىپ كىيىمەن! — دېدى ئۇ ئۈمۈتنى ئوينىتىپ.
قاراگەر ئۇياقتىن - بۇياققا چاپچىپ مېڭىپ ئېيىقلارنى كۆزەتمەكتە ئىدى. يىگىت كۆيۈپ چوغ بولغان ئوتنىڭ يېنىغا كەلدى. قىزىل ياقۇتتەك پارىلداپ تۇرغان چوغلارنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ، بىر سان گۆشنى كۆمدى. «قالغان گۆش كۆك بۆرىگە قالسۇن» دېدى ئۆزىچە پىچىرلاپ. ئۇ قۇلى بىلەن «كەل - كەلگىن» دېگەندەك ئىشارەتلىدى، قاراگەر يۈگۈرۈپ كەلدى. يىگىت «بايقۇش، سېنى ياقىتۇرۇپ قالدىم، بۈگۈندىن كېيىن چۆشكەن ئۆتەڭلەردە سېنى باشقا ئات بىلەن ئالماشتۇرمايمەن، ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇشنى خالامسەن؟» دېگەندەك قىلىپ ئاتنىڭ باش - بوينۇلىرىنى سىلىدى، ئات گويا ماقۇل بولغاندەك كىشنەپ قويدى. يىگىت نەيزە بىلەن ئۈمۈتنى ئىلگىربىكىدەك ئونىڭ بېقىنىغا تاڭدى، پىشقان گۆش بىلەن نەرسە - كېرەكلەرنى خۇرجۇنغا قاچىلاپ ئۈستىگە تارتتى. قورسىقى تويغان ئات بىر پۇشقۇرۇپ مېڭىپ كەتتى. قاراگەر ئېيىقلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە قورقۇپ نېرىغا قاچتى، قەدىمىنى تېزلەتتى.
ئۇ يولغا چىققان بىر ئايدىن بېرى سەپىرىنى مانا شۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. بەزى كۈنلەر تېپىنچ ئۆتۈپ كېتەتتى. بەزى كۈنلىرى بولسا ئۆلجىگىمۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغىمۇ ئۇچرايتتى… يىگىت قار - مۇزلۇق ئالتاي
5
تاغلاردىن، خانتەڭرى، بوغدانىڭ گۈل - گىياھلىق ئېتەكلىرىدىن، يەتتەسۇ بوستانلىقىدىن ئۆتۈپ قۇزئوردۇ① غا يېقىنلاشتى. ۋەدەسگە ئەمەل قىلىپ ئۆتەڭلەردە قارىگەرنى باشقا ئاتقا ئالماشتۇرماي سەپىرىنى داۋام قىلىۋەردى.
2
كۈن خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى. ئۇ چەكسىز كەتكەن تىكەنزارلىقتىن ئوڭ تەرەپكە بۇرالدى. ئىككى تەرىپىدە جىگدە دەرەخلىرى ئۆسكەن چىغىر يولدا بىرئاز مېڭىپلا، تىكەن، يانتاق بېسىپ كەتكەن قىيپاش دۆڭگە چىقىپ چۈشتى، يىگىتنىڭ ساقال قاپلاپ كەتكەن يۈزلىرى قايغۇلۇق تۇس ئالدى. ئۇ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، قارا تەرگە چۆمگەن ئاتتىن سەكرەپ چۈشتى، تىزگىننى ئېگەرنىڭ قوش بېشىغا ئېلىپ قويۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم! — ئۇ بوم ئاۋاز بىلەن بۇ دۆڭلۈككە دەپنە قىلىنغان بوۋىسىنىڭ، ئۇرۇق - جەمەتىنىڭ روھىغا سالام بەردى ۋە ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن ھالدا، شاخلاپ ئۆسكەن قېرى يۇلغۇن دەرىخى يېنىدىكى تۇغ شەددى قادالغان بىر دۆڭە توپا دۆۋىگە يۆكۈندى، قىلىچىنى تېزىدا توغرا قويۇپ، لەرزان ئاۋازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.
ئۇ بالا چاغىدىلا بوۋىسى ۋاپات بولغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان بىر يەرگە بارغاندا، قايتقاندا، بۇ دۆڭگە چىقىپ بوۋىسىنىڭ روھىغا دۇئا قىلماي قالمايتتى، بۇ قېتىم ئۇ ئىككى يىل داۋام قىلغان قانلىق جەڭدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇزاق قىرائەت قىلىپ، ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى. ئاتنىڭ بېقىنىغا ئېسىپ قويغان بىر كىچىك خالتىنى ئېلىپ ئاغزىنى يەشتى، خالتىدا بۇغداي بار ئىدى، يىگىت
① قۇزئوردۇ — قاراخانىيلار دەۋرىدىكى پايتەخت بالاساغۇن.
ئۇچۇملاپ ئالغان بۇغداينى توپا دۆۋىسى ئۈستىگە چاچتى.
تېمتاس دۆڭ تەرەپ - تەرەپتىن ئۇچۇپ كەلگەن قۇشلار بىلەن تولۇپ كەتتى. يىگىت ئېڭىرلىشىپ، قاقىلداشىپ، چۇۋۇلۇشۇپ دانلاشقا كىرىشكەن قۇشلارغا كۆز سالغىنىچە ئاتىنى يېتىلەپ ئاستا ماڭدى. سوقۇپ تۇرغان باھار شامىلى ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتى. قارا بۇلۇتلار ئىچىدىن كۈن كۆرۈنۈشى بىلەن دۆڭگە ئاپتاپ چۈشتى. «قىيام بولۇشقا ئاز قاپتۇ، ئەمدى ماڭاي» ئۇ ئاتىنىڭ تۆشلىكىنى چىڭىتىپ، ساغرىسىغا شاپىلاقلاپ قويدى. قاراگەر بېشىنى بۇراپ، تۇمشۇقىنى ئۇنىڭ قاداقلىشىپ كەتكەن قولىغا تەگكۈزدى. يىگىت ئاتىنىڭ بېشىنى سىلىغان ھالدا دۆڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان چۇ دەرياسى①غا باقتى. دولقۇنلانغان سۇ كۆكۈچەپ، ئوقچۇپ ئاقماقتا ئىدى. ئىسسىقكۆل تەرەپتىن كەلگەن بىر توپ غاز - ئۆردەكلەر دەريا ئۈستىدە پەيدا بولدى - دە، پەسلەپ ئۇچۇپ نەملىك قىرغاققا قونۇشتى. دەريانىڭ ئۇ قېتىدىن خېلى يىراقتا قارا سىزىقتەك كۆرۈنۈپ تۇرغان سېپىلغا، مۇنار شەكىللىك قارائۇل مۇنارىغا كۆزى چۈشكەن يىگىتنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ، قېنى ئوقچۇپ زادى تۇرالماي قالدى. ئۇ بوۋىسىنىڭ روھى بىلەن خوشلىشىپ، ئاتقا مىنىپ تىزگىننى قويۇۋەتتى. قاراگەر دۆڭدىن چۈشۈپلا، قۇلاقلىرىنى يوپۇرغىنىچە چاڭ توزۇتۇپ، چېپىپ كەتتى.
«ئاھ! بالاساغۇن ئانجان شەھەر، ئاخىر بوسۇغاڭغا ئامان يېتىپ كەلدىم…» دېدى ئىچىدە ھاياجانلىنىپ.
يىگىت ئوتلاقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن چىغىر يولدىن سوۋادان، قارىياغاچ دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان چوڭ يولغا چىقتى. «شۇ تاپتا جەڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ مەنسۇر ئېلىخاننىڭ تاقىتى تاق بولۇۋاتقاندۇ. بۇغرا قاراخان ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغانخان② نىڭ غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى
① چۇ دەرياسى — ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى دەريا. ② ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغانخان — سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ چوڭ ئوغلى، بۇغرا قاراخان بولغان.
يەتكۈزسەم، خۇشاللىقى تېنىگە پاتماي قالار. شۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمە ئىشلارنى قىلاركىن؟» ئۇ ئېتىنى چۆ دەرىياسى تەرەپكە بۇراپ، قىرغاقنىڭ دولقۇن يالاپ پەسەيتىۋەتكەن يېرىگە كېلىپ توختىدى. قاراگەر چاچقان چىغى، سۈمۈرۈپ - سۈمۈرۈپ سۇ ئىچىشكە باشلىدى. ئۇ خىيالىنى داۋام قىلدى: «ئاتام - ئانام مېنى كۆرۈپ سۆيۈنگەندىن يىغلىشىپ كېتەر مىكىن. ئاتام يىغلىمىسىمۇ، ئانامنىڭ يىغلىشى تۇرغان گەپ. ئېيتىلىپچۇ؟ ئۇ نېمە دەرد؟…»
ئۇ بىردىن تىزگىننى قاتتىق تارتتى. ئات تۇمشۇقىنى سۇدىن ئېلىپ پۈشقۈرۈۋەتتى، ئۇششاق تامچىلار چاچرىدى. يىگىت ئىختىيارسىز قىرغاققا سەكرەپ چۈشۈپ، ئاتنىڭ يېلىپ تۇرغان يالىنى قوللىرى بىلەن تاراپ، بوينىنى قاشلاپ - قاشلاپ قويدى. «بايقۇش، نەچچە كۈندىن بېرى تويغۇدەك بىر نەرسە يېيەلمەي ئاچ قالدىڭ، ھاردىڭ. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئوبدان ئارام ئالدۇرۇپ، بوغۇزغا راسا تويغۇزۇپ قويمىسام سېنى…»
قاراگەر قۇيرۇقىنى شىپپىلدىتىپ، غەلىبە خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغاندەك، تۇمشۇقى بىلەن يىگىتنى تۈرتتى.
يىگىت غەلىبە خەۋىرى بىلەن بىللە، شۇم خەۋەرمۇ ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ جەڭدە قۇربان بولغان دوستى — ياخشى كۆرىدىغان قىزىنىڭ ئاكىسى — ئۇستازىنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. «بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئۇستاز ھاجىپ جاناپلىرىغا قانداق يەتكۈزەرمەن؟ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشقا ئەشكەنچى① كەلسىمۇ بوپتىكەن…» ئۇ يەنە بىر پەس ئويلاپ تۇردى. قاراگەر ماڭمامسەن، نېمە قاراپ تۇرىسەن؟ خاندىن تارتىپ پۇقراغىچە سېنىڭ خەۋىرىڭگە ئىنتىزار، دېگەندەك قىلىپ كىشنىدى.
يىگىت ئېتىغا مىندى، كۆڭلىدىن ھەممە كۆڭۈلسىز خىياللارنى چىقىرىۋېتىپ، كۆڭۈلچەپ ئۆركەش ياسىغان چۆ
① ئەشكەنچى — پادىشاھنىڭ خەت، ئەمىر - پەرمانلىرىنى توشۇغۇچى.
دەرياسىغا ئات سالدى.
- ھېچ - ھېچ①، - دەپ ئالدىرىتاتتى ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۆزلۈشكە باشلىغان ئاتىنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ دەپتىپ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بالاساغۇن شەھىرى قۇچاق ئېچىپ تۇراتتى.
3
چۇ دەرياسىنىڭ تۈزلەڭ ۋادىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بالاساغۇن بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇنلا گۈزەل، ئاۋات شەھەر ئىدى. بۇ شەھەرنىڭ قاچان ۋە قانداق بىنا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەت، خاتىرىلەر كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق دەپ قارالغان رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ئۇيغۇرلار مىلادىيەدىن بىر قانچە ئەسىرلەر بۇرۇن، ئورخۇن، يېنسەي بويلىرىدا، قاراقورۇم، تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە، تارىم، تەكلىماكان تۈزلەڭلىكىدە، سىر، ئامۇ دەرياسى ۋادىلىرىدا كۆچمەن بولۇپ ياشىغانكەن. ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھى بۇقا قاغان نەچچە تۈمەنلىك قوشۇننى باشلاپ، غەربكە يۈرۈش قىلىپ چۇ دەرياسىنىڭ بويىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئەتراپقا نەزەر سېلىپ: «بۇ زېمىننىڭ ئوت - چۆپ، سۇلىرى ئەلا ئىكەن، مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، شەھەر بىنا قىلىشقا بۇنىڭدىنمۇ لايىق جاي تېپىلماس» دەپ ئاتتىن چۈشۈپتۇ. چېدىر - بارگاھ تىكتۈرۈپ، ۋەزىر، ئەمىرلىرىگە ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە شەھەر بىنا قىلىش ئويىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئاپتۇ. پەرمان جاكارلاپ ھەر قايسى ئايماقلاردىكى ياغاچچى، تامچى، ئويمىكەش، نەققاشگەرلەرنى چۇ دەرياسى ۋادىسىدا شەھەر قۇرۇشقا چاقىرتىپتۇ. شەھەر - شەھەردىن نۇرغۇن ھۈنەرۋەن - كاسىپلار چۇ دەرياسى بويىغا يىغىلىپتۇ. بۇقا قاغان ئۇيغۇرلارنىڭ
① ھېچ - ھېچ - چۆھ - چۆھ.
ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان نورۇز كۈنى بۇ شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆزى ئۇل قويۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىش باشلىنىپتۇ. ئۈچ يىلدا شەھەر قۇرۇلۇشى پۈتۈپتۇ. يەنە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن خاسىيەتلىك نورۇز بايرىمى كۈنى بۇقا قاغان خانىشى بىلەن بۇ يېڭى شەھەرگە كىرىپ، ئوردىنىڭ خاقان سارىيىدىكى ئالتۇن تەختتىن ئورۇن ئاپتۇ. شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بارلىق ھۈنەرۋەن، كاسپىلار، چۇ دەرياسى ۋادىسىدا ياشاۋاتقان چىگىل، قارلۇق، ياغما قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ كىشىلەر بۇ شەھەردىن جاي تۇتۇپتۇ. بۇ يېڭى شەھەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان ئالىم - ئەدىب، ھۆكۈما - تېۋىپ، كاسىپ - ھۈنەرۋەن، تىجارەتچى، ھۆپىگەرلەر تەرەپ - تەرەپتىن كۆچۈپ كېلىشىپ شەھەرنى ئاۋات قىلىپتۇ.
شەھەرنىڭ نامى «بالا سانغۇن» دەپ بۇقا قاغاننىڭ بالا ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى بىلەن ئاتىلىپتۇ. چۈنكى، بۇقا قاغان ئون ئىككى ياش چېغىدىلا جەڭگە قاتنىشىپ «بالا باھادۇر» دېگەن نامنى ئالغانىكەن. ئۇ پارسلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە، ئوق تېگىپ قازا قىلغان سانغۇننىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەي، سىپاھلارغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ غەلىبە قازىنىپتۇ ۋە پارس پادشاھىنى ئەسىر ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى بولغان ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئاتىسى: «بارىكاللا ئوغلوم، ئەلنى رازى قىلدىڭ. كىچىككىنە تۇرۇپ پادشاھنى ئەسىر ئاپسەن، سانغۇن بولۇشقا لايىق ئىكەنسەن» دەپ ئۇنىڭغا «ئالىپ ئەر توڭا» دېگەن نامنى بېرىپتۇ. بۇ پاراسەتلىك، غەيۇر شاھزادە «بالا سانغۇن» دەپ ئاتىلىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا قاغان بولغانىكەن. شۇڭا، ئۇ يېڭىدىن بىنا قىلدۇرغان بۇ شەھەرنى ئاۋام ياخشى كۆرىدىغان پادشاھىنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى بىلەن ئاتاپتۇ. كېيىنچە بۇ شەھەر «بالاساغۇن» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپتۇ.
شۇنىڭدىن مىڭ يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان قاراخانىيلار
خانىدانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخت قىلىپ «قۇزئوردۇ» دەپ ئاتىغانىدى.
بالاساغۇن شەھىرىنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بار ئىدى: شەرقىي تەرەپتىكى «قوۋۇقى كاشغەر»①، غەرب تەرەپتىكى «قوۋۇقى سەمەرقەنت»، شەرقىي شىمالدىكىسى «قوۋۇقى باشا»②، شىمالدىكىسى «قوۋۇقى قۇت»③، جەنۇبتىكىسى «قوۋۇقى ئالىپ»④، غەربىي جەنۇبتىكىسى «قوۋۇقى قاراخان»، شەرقىي جەنۇبتىكىسى «قوۋۇقى توشقۇرمان»⑤ دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ناملار سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا بايتەش قاراخان زامانىدا قويۇلغانىدى.
يىگىت «قوۋۇقى كاشغەر» ئالدىدىن چىپىپ ئۆتۈپ ئېتىنى ئوتقا قويدى. قاراگەر سىلىق يورغىلاپ، كۆڭگۈرلۈك ئېگىز سېپىلنى چۆرىدەپ قېزىلغان خەندەكنى بويلاپ ماڭدى. ئۇ «قوۋۇقى باشا» غا كەلگەندىلا ئاتتىن چۈشتى. ئىككى قانىتى داغدام ئوچۇق چوڭ دەرۋازىغا قاراپ قەدەم تاشلىغاندا، ئۇنىڭ يۈرىكى تىپچەكلەپ سوقۇپ كەتتى. دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا قىلىچ ئېسىپ، نەيزە تۇتقان ئىككى قارائۇل تەك تۇراتتى.
دەرۋازىنىڭ ئۈستى كېمەر شەكىللىك بولۇپ، يولۋاس، تۆگە، بۇقا، كىيىك، كالا، يىلاننىڭ قاپارتما كۆرۈنۈشلىرى چۈشۈرۈلگەنىدى. ئوڭ قانىتىغا قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇپ تۇرغان كۆك بۆرىنىڭ، سول قانىتىغا كۆكتىن شۇڭغۇۋاتقان شۇڭقارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى نەقىش قىلىنغانىدى. دەرۋازىنىڭ تۆپىسىدىكى پەشتاقتا قىزىل، ھال رەڭ، قارا ئەلەملەر يەلپۈنەتتى. نۆكەرلەر قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان ھالدا تۇرۇشاتتى.
① «قەشقەر دەرۋازىسى». ② «غەلبە دەرۋازىسى». ③ «بەخت دەرۋازىسى». ④ «باتۇرلار دەرۋازىسى». ⑤ «ھۇجۇم قىلىش دەرۋازىسى».
يىگىت ئېتىنى يېتىلەپ دەرۋازىدىن كىرىپ بالاساغۇن شەھىرىگە قەدەم باستى. ئۇ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى گۈزەر دە بىردەم تۇرۇپ قالدى. «ھازىر ئوردىغا بارسام ئېلىكخان ئالىيلىرى، ۋەزىر - ۋۇزۇرلارنىڭ دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتى، ساقلاپ قالىمەن. ئۆيگە بارسام، ئاتا - ئانام، ئۇرۇق - تۇغقانلار بىلەن دىدار كۆرۈشىمەن دەپ، خەۋەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزەلمەيمەن. ياخشىسى مۇشۇ يەردىلا قورساقنى توقلاپ، ناماز پېشىننى مەسچىتتە ئوقۇۋېلىپ، ئاندىن ئوردىغا باراي» دەپ ئويلاپ، گۈزەر دوقمۇشىدىكى دەلگە قارىگەرنى ئەگىرىپ قويۇپ چىقتى. ئۇ دەلنىڭ قارشىسىدىكى چەللە - باراڭلىق چايخانىغا ئالدىغا كەلدى. باراقسان ئەرمۇدۇن دەرىخى چايخانىغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. يۈگۈرۈپ كەلگەن مۇلازىم ئۇنى گۈللۈك پالاس، كۆرپە سېلىنغان سوپىغا باشلاپ:
— ئولتۇرۇسلا ئالىپ. چاي ئىچەملا، شورپىمۇ؟ كاۋاپ يەملا، سامسىمۇ؟ — دەپ سورىدى.
— چاي بىلەن گۆشگىردە يەي.
— مانا ھازىر… ئالىپ.
يىگىت «بۇ گۈزەردە ئىككى يىلدىن بېرى ھۈنەرۋەن - كاسىپلار، ئېلىپساتارلار كۆپىيىپ قاپتۇ، شەھەر ئاۋاتلىشىپ كېتىپتۇ» دەپ ئويلىدى.
— چاي ئىچىسلا، ئالىپ، — مۇلازىم ساپال ھېجر، چۆگۈن بىلەن بىر لېگەندە گۆشگىردە ئېلىپ كېلىپ داستىخانغا قويدى.
خىيال يىپى ئۈزۈلگەن يىگىت:
— رەھمەت ئۇستام، — دەپ ئىسسىق گۆشگىردىنى قولىغا ئالدى. ئۇ ئىككى يىلدىن بېرى جەڭگاھلاردا يۈرۈپ، بۇنداق ھۇزۇرلىنىپ چاي ئىچىپ باقمىغانىدى.
يىگىت بۇغرا قاراخان نامى چۈشۈرۈلگەن ئىككى كۈمۈش يارماقنى چايخانا غوجايىنىغا بېرىپ، يولىنىڭ ئۇ قېتىدىكى يېشىل گۈمبەزلىك مەسچىتكە قاراپ ماڭدى.
يولدىن ئات - ئېشەك مىنگەن، مەپە - ھارۋىغا چۈشكەن، پىيادە كېتىۋاتقان خىلمۇخىل كىيىنىشكەن ھەر خىل قەۋملەرنىڭ ئادەملىرى ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇراتتى.
ئاق سەللە ئورىغان مەزىن مەسچىتنىڭ كۆڭۈرلۈك ئېگىز مۇنارىغا چىقىپ لەرزان ئاۋازدا ئەزان ئېيتتى:
- ئاللاھۇئەكبەر… ئاللاھۇئەكبەر! …
يىگىت نامازدىن يېنىپ، دەھلىزدىن قاراقىرنى ئېلىپ چىقىپ مىندى - دە، يولۇچىلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى، بىر قانچە كوچا، يوللاردىن، ئاۋات رەستە - بازارلاردىن ئۆتتى، چوك - كىچىك يوللار، كوچىلار رەتلىك، پاكىز ئىدى. يىگىت ئوردا ئالدىدىكى گۈل - چىمەنلىك سەيناھادا ئېتىنى توختىتىپ، ھاياجانلىنىپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى.
ئوردىنىڭ سول تەرىپىدە، قارىغاي ياغىچىدىن شالاسۇن ۋە كۆڭۈرە چىقىرىلىپ ياسالغان كۆزىتىش مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ ئۆزگىچە كۆركەم ئېگىز مۇنارنىڭ ئۇچىدىكى كۈمۈش ھالقىلىق خاقانلىق قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ قىزىل - ھال رەڭ تۇغى قادالغانىدى. بۇ ئەتراپتا ئېگىزلىكتە بۇ مۇنارغا تەڭلىشىدىغان ئىمارەت يوق ئىدى. ئۈستىدىكى تۆت چاسا تۇرارگاھتا ئۈچ قاراۋۇل كېچە - كۈندۈز كۆزەت قىلاتتى. بۇ يەردىن چۇ دەرياسى بويىدىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئوردىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خىشتىن ياسالغان سۇ مۇنارى بار ئىدى. ئېرىق - ئۈستەل، بۇلاقلاردىن مۇشۇ كاتتا مۇنارغا چىقىرىلغان سۇ پاكىز تازىلىنىپ، بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان نۇرغۇن ساپال نوكەشلىەر ئارقىلىق شەھەردىكى ئائىلىلەرگە تارقىتىلاتتى. بۇ ئىككى مۇنارنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشۈپ تۇرغان ئوردا بالاساغۇن شەھىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى بوستانلىق تۆپىلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
يىگىت ئوردا دەرۋازىسىغا يەتتە قەدەم قالغاندا ئاتتىن چۈشتى. ئوردا دەرۋازىسى شەھەر دەرۋازىسىدىن كىچىك بولسىمۇ
ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى. ئىشىككە بېكىتىلگەن توچ شارچىلار، كۈمۈش ھالقىلار يىراقتىن يالتىراپ كۆرۈنەتتى.
يىگىت داغدام ئوچۇق ئوردا دەرۋازىسىنىڭ بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئوڭ قاناتى يېنىدا تۇرغان قاراۋۇلنىڭ ئالدىغا كەلدى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئامان بولغىن تۇرغاق①، — دېدى ئۇ سالاملىشىپ، — بۇغرا قاراخان تۇغاندىن غەلىبە خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدىم. مەنسۇر ئېلىكخان بىلەن تېز كۆرۈشۈشۈم زۆرۈر.
قاراۋۇل يىگىتنىڭ باشتىن - ئايىغىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئىشىكنىڭ شوڭقار سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سول قاناتى تەرەپتە ئۆزىدەك كەمزۇل②، ئۈچلۈق قالپاق كىيىپ، ئاي پالتا تۇتۇپ تۇرغان بۇرادەرىگە:
— تۇرغاقبەگ③كە خەۋەر قىل، — دەپ بۇيرۇدى.
ئۇزاق ئۆتمەي ئوتتۇرا بوي، ئات يۈز، بېشىغا بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن چەكمە گۈللۈك قالپاق، ئۈستىگە كەمزۇل كىيىپ كەمەر باغلىغان تۇرغاقبەگ بېلىگە ئېسىۋالغان ئەگرى قىلىچىنىڭ توچ سېپىنى تۇتقان ھالدا چىقىپ كەلدى، ئۇنىڭ شاپ بۇرۇتى قۇلاقلىرىغا تېگىپ قالغانىدى. ئۇ يىگىتكە شۇنداق بىر قاراپلا غۇلچىنى كىرىپ توۋلىۋەتتى:
— ئۆدمىش!
— ئەربۇقا!
ئىككىيلەن قۇچاقلاشتى.
— قەيەردىن كېلىۋاتىسەن ئالىپ؟
— ناھايىتى يىراقتىن — ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن كېلىۋاتىمەن، تۇرغاقبەگ. قىتان قوشۇنلىرىنىڭ ئۆتۈرىكىنى
① تۇرغاق — كۈندۈزى قاراۋۇللۇق قىلغۇچى نۆكەر. ② كەمزۇل — كالتە چاپان. ③ تۇرغاقبەگ — كۈندۈزدىكى قاراۋۇللار باشلىقى.
چىقىرىپ، ئەلگە ئەمدى پاراكەندىچىلىك سالالماس قىلىۋەتتۇق. كەلگىنىمنى ھاجىپ①قا ئېيتىپ، ئېلىكخان② ئائىلىرى بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈشۈمگە ياردەم قىلغىن، — دېدى ئۆدەش، — بۇغرا قاراخان ئائىلىرىدىن پۇتۇك ئېلىپ كەلدىم. — مۇنداق دېگىن. ئەشكىنچى بولۇپ كەتسەڭ — دە، ئاغىنە. ھازىرلا ھاجىپنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرەي. ئەربۇقا بىر قاراۋۇلنى چاقىرىپ، ئۆدەشنىڭ ئېتىنى ئوردا ئاتخانىسىغا تاپشۇرۇشنى بۇيرۇدى. — ئالدىرىما ئاغىنە، بۇ ئاتنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىمەن، مەشەدە سوۋۇپ تۇرسۇن. — ئولجا ئات ئىكەن — دە. — ياق، دوستۇم، بۇ ئولجا ئات ئەمەس، ئەشكىنچىلەر ئۆتەڭلەردە ئالماشتۇرۇپ مىنىدىغان خانلىققا تەۋە ئاتلاردىن. ئېلىكخاندىن سورۇۋالماقچىمەن. — مۇنداق دە، ياخشى ئات ئىكەن، يۈر ئەمسە.
4
ئوردىنىڭ بىر — بىرىدىن ھەيۋەتلىك ئۈچ دەرۋازىسىدىن ئۆتكەن تۇرغاقبەگ بىلەن ئۆدەش بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئالدىدىكى تۆت ئەتراپى گۈلزارلىق كاتتا سەيناغا كەلدى. پاكىز سۇپۇرۇلۇپ سۇ سېپىلگەن سەينانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەينەكتەك تىنىق «ھەۋزەئى بۇغراخان»③ نىڭ لېۋىنى ئايلىنىپ مېڭىشتى. گۈلزارلىقتىكى تويى يۇمىشتىلانغان قىزىلگۈل، ئەتىرگۈللەرنىڭ ئەمدىگىنە غۇنچە باغلىغان شاخلىرى شىلدىرلايتتى. ئۇلار گۈللۈك ئارىسىدىكى خىش يولنى بېسىپ، بۇغرا قاراخان
① ھاجىپ — خانغا مەسلىھەت بەرگۈچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار. ② ئېلىكخان — بۇغرا قاراخاندىن كېيىنلا تۇرىدىغان ھۆكۈمدار. ③ ھەۋزەئى بۇغراخان — بۇغراخان كۆلى.
سارىينىڭ مەرمەر پەلەمپىيىگە پۇت قويۇشتى.
بۇغرا قاراخان سارىيى ئوردىنىڭ شىمال تەرىپىدە بولۇپ، خاقان سارىيى دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۇ ئوردا ئىچىدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك چىرايلىق بىنادۇر. قوش قاناتلىق قاپقاقلىق دەرۋىزىلىرى چارباققا قارايتتى. كۈمۈش ھالقىلىق ئىشىكى يېپىق ئىدى. ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەندى، قوش - ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلمەي، قاپارتما ۋە ئويما نەقىشلەر چېكىلگەندى. ئىشىك بېشىدا «ئاللاھۇئەكبەر» دېگەن خەت پارقىراپ تۇراتتى. قارىغاندا، بۇ ئىشىك يېڭى ياسالغاندەك قىلاتتى. كۈمۈش گۈرزە تۇتقان ئىككى قاراۋۇل ئۇدۇل قارىغىنىچە قېتىپ تۇرۇشاتتى. ئىشىك ئالدىدىكى يەتتە مەرمەر تۈۋرۈك گۈمبەزلىك پېشاينىڭ گۈللۈك نەقىش چېكىلگەن تورۇسىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يېشىل كاشىلىق گۈمبەز، مەرمەر تۈۋرۈكلەرنىڭ شولىسى «ھەزرىتى بۇغراخان»دا تېخىمۇ كۆركەم، نەپىس كۆرۈنەتتى. ئەر بۇقا ئاشۇ ياندا تۇرغان قاراۋۇلغا يېقىنلاپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ دېدى:
— ئامان ۋە بەردەم بولغىن تۇرغاق. بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى ئالدىدىن ئەشكەنچى كەتتى. ئۇنىڭدا ئېلىكخان ئالىيلىرىغا تاپشۇرىدىغان پۈتۈك بار ئىكەن.
— مەلۇم قىلاي، تۇرغاقبەگ، بىرئاز تەخىر قىلىپ تۇرغايلا، — دېدى قاراۋۇل بېشىنى سەل ئېگىپ، ئاندىن كۈمۈش گۈرزىسىنىڭ ساپىنى يەرگە داققىدە ئۇرۇۋەتتى، شۇ زامان ئىشىك ئېچىلىپ، مەھەللە رەختتىن پېشمەت، ئاق بۆك كىيگەن بىر ئادەم چىقتى.
— نېمە گەپ تۇرغاق؟
— بىرۇق① جاناپلىرى، ئۇلۇغ خاقان ئالدىدىن ئەشكەنچى كەتتى، ھاجىپنى ۋاقىپلاندۇرغان بولسىڭىز، قاپۇغچىباشىغا
① بىرۇق — خاقان سارىيىنىڭ مۇلازىمى.
مەلۇم قىلىنغان بولسا. كۈتۈپ تۇرۇڭلار! — خۇپ! ئىشىك يېپىلىپ، بىر ئازدىن كېيىن يەنە ئېچىلدى. — ئەلچى كىرسۇن، — دېدى بىرۇق. ئۆدەش يا بىلەن ئوقلىرىنى ئېرىپۇققا بېرىپ، كۈمۈش رەڭ بوسۇغىدىن ئاتلاپ زالدەك كەڭ يانتاق ئۆيگە كىردى. بۇ «خانەئى دىۋان»① ئىدى. ئازادە ئايۋان ئۆينىڭ تۆرىدە بۇغرا قاراخان سارىيى، ئوڭ تەرىپىدە ۋەزىر — ئۆزرالار، ئەمىر — ئۆمەرلەرنىڭ، سول تەرىپىدە ئۇلۇغ ھاجىپ، باش پۈتۈكچى، شەيخۇلىسلام ۋە باش خەزىنىچىنىڭ ئىش بېجىرىدىغان خانىلىرى بار ئىدى. ئالتۇن ھالقىلىق بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئىشىكىگە بۆرە بېشى، ئالتۇن ساپلىق ھال رەڭ تۇغ؛ ۋەزىرنىڭ ئىشىكىگە كۈمۈش ھالقىلىق ئىشىكىگە بۇغا بېشى، كۈمۈش ساپلىق زەڭگەر تۇغ؛ ئەمىرنىڭ مىس ھالقىلىق ئىشىكىگە ئارسلان بېشى، مىس ساپلىق قىزىل تۇغ؛ ئۇلۇغ ھاجىپنىڭ كۈمۈش ھالقىلىق ئىشىكىگە يولۋاس تېرىسى، كۈمۈش ساپلىق ھال رەڭ تۇغ؛ باش پۈتۈكچىنىڭ مىس ھالقىلىق ئىشىكىگە پەي قەلەم، مىس ساپلىق قىزىل تۇغ؛ شەيخۇلىسلامنىڭ تۇچ ھالقىلىق ئىشىكىگە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ئاللاھۇئەكبەر» دەپ يېزىلغان ئاي — يۇلتۇزلۇق ھاۋا رەڭ تۇغ؛ باش خەزىنىچىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۇچتىن يول — يول قىلىپ ھەل بېرىلگەن تۆمۈر ھالقىلىق ئىشىكىگە زەر ياقىلىق تون، ياغاچ ساپلىق سېرىق تۇغ ئېسىلغانىدى. ئۆدەش ئوردىغا كىرگەن بولسىمۇ، بۇغرا قاراخان سارىيىغا كىرىپ باقمىغانىدى. ئۇ ۋالىلداپ تۇرغان ئىشىكلەرگە ۋەھىمە بىلەن قاراپ، بىرۇقنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، يولۋاس تېرىسى
① خانەئى دىۋان — دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئىشخانىسى.
ئېسىلغان ئىشىك تۈۋىگە كەلدى. — ئىككىنچى يىگىت، مەشھەدە كۈتۈپ تۇر، مەن ھاجىپنى باشلاپ چىقاي، — دەپ ئىشىكنى يېنىك چەكتى بىرۇق. — كىرىڭ، — دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئېچىلدى. بىرۇق كىرىپ كەتتى ۋە ھايال ئۆتمەي بېشىغا ئاق سەللە ئورىغان، ساقىلى چىرايلىق قىرقىلغان، سوزۇنچاق يۈزىدىن قان تېپىپ تۇرغان، گەۋدىلىك، يېشىل كىمخاب تون كىيگەن خۇش چىراي كىشى بىلەن چىقتى. ئۆدمىش ئۇنى كۆرۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام بەردى: — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجىپ رەيھاندىن ئاغا. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، — دېدى ئۇ كىشى كۈلۈمسىرەپ، — ئىككىنچى كىمسەن دېسەم سەن ئىكەنلاغۇ، ئۆدمىش. كىچىككىنە يىگىت ئىدىڭ، ئىككى يىلدىن بېرى جەڭدە يۈرۈپ ئالىپ① بولۇپ كېتىپسەنغۇ بوغرام②. ھاجىپ رەيھاندىن ئونىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئاندىن باغرىغا باستى. — ئاتاملار ئامان - ئېسەن تۇرغاندۇ؟ — سورىدى ئۆدمىش. — سالامەت، ئوبدان تۇردى، بالام، ئاۋۋال سېنى ئېلىكخان ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرەي. ئاندىن ئۆيگە بېرىپ ئوبدان بىر مۇڭدىشايلى، — دېدى ھاجىپ رەيھاندىن. ئۇ ئۆدمىشنى بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باشلاپ باردى. ئالتۇن گۈرزە تۇتقان ئىككى قاراۋۇل ئالتۇن سۆيدە ھەل بېرىلگەن ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىدا تىك تۇراتتى. ئۆي تەرەپتە يۆلەنچۈكلۈك كۆرسىدە ئولتۇرغان چار ساقال، بۇغداي ئۆڭلۈك ئادەم ھاجىپ رەيھاندىنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپتى. — مەرھەمەت ھاجىپ، كېلىڭ، — دېدى ئۇ قول
① ئالىپ — باتۇر، قەھرىمان. ② بوغرام — ئەركەك تۆگە دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ يەردە ئەركىلەتمەپ ئېيتىلغان سۆز.
ئېلىشىپ، ئېلىكخان ھەزرەتلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچىمۇ سىز؟ شۇنداق، قاپۇقچى بېشى①. بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى ئەلچىنى ئەۋەتكەنكەن، باشلاپ كىرىشىم. ئانداق بولسا ئېلىكخان ھەزرەتلىرىنى ۋاقىپلاندۇراي، ئولتۇرۇپ تۇرغايسىز ھاجىپ. قاپۇقچى بېشى ئىشىكنى قىيا ئېچىپ كىرىپ كەتتى. ھاجىپ ئاغا، قاپۇقچى بېشى دوقاقبەگ دېگەن مۇشۇ كىشى ئىكەن دە، ئۇيغۇر قەبىلىسىدىنمۇ، قارلۇق قەبىلىسىدىنمۇ؟ قارلۇق قەبىلىسىنىڭ يابغۇ② لىرىدىن، بالام، دېدى رەيھاندىن، ئاندىن بىرئاز تۇرۇۋېلىپ ئۆدمىشتىن سورىدى، ئەجەب غەمكىن كۆرۈنىسەنغۇ؟ ئۆدمىش جاۋاب بەرمىگۈچە دوقاقبەگ چىقىپ: ئېلىكخان ھەزرەتلىرى ئەلچىنى باشلاپ كىرسۇن، دېدى، دەپ ھاجىپقا كۆز ئىشارىتى قىلدى. رەيھاندىن ئۆدمىش بىلەن ئىراننىڭ گۈللۈك گىلىمى سېلىنغان بۇغرا قاراخان سارىيىغا قەدەم قويدى. ۋەزىر ۋۈزەرالار، ئەمىر ئۆمەرالار ئالتۇن تەختنىڭ ئىككى يېنىدىكى يۆلەنچۈكلۈك كۇرسىلاردا ئۆز مەرتىبىلىرىگە لايىق ئورۇن ئېلىشقانىدى. ھاجىپ يىگىت بىلەن بىللە ئاستا قەدەم ئېلىپ، قۇببىسىگە ھال رەڭ تۇغ قادالغان ئالتۇن تەختكە ئۈچ قەدەم قالغاندا قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ تەزلەندى. مەنسۇر ئېلىكخان نائىب بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىغا ئاللا سالامەتلىك، ئالەمچە ھۆرمەت ئىكرام ئاتا قىلغاي. ھاجىپ، ئاللا تىلىكىڭىزنى ئىجابەت قىلغاي، ئورۇن ئالغايسىز، مەنسۇر ئېلىكخان رەيھاندىنغا باش ۋەزىر
① قاپۇقچى بېشى ئىشىكئاغىسى. ② يابغۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل نامى، قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى قوللانغان (بۇغرا قاراخاندىن ئۈچ دەرىجە تۆۋەن).
بۆلۈنبەگنىڭ يېنىدىن جاي كۆرسىتىپ، ئۆدەشكە كۆز سالدى! ئالىپ، ئۇلۇغ خاقان ئاغامدىن نېمە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ؟ سۆزلە.
يۆگەكلىك خەتنى قوينىدىن ئالغان ئۆدەش بىر تىزىنى يەرگە قويۇپ ئىككى قوللاپ ئۇزاتتى.
رەيھاندىن خەتنى ئېلىپ ئېبلىكخانغا سۇندى.
ئېبلىكخان ئاشلانغان قوي تېرىسىگە يېزىلغان خەتنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ بېشىدىكى چىرايلىق ئورالغان يېشىل سەللىگە ئاق ئالماس قادالغانىدى. شالاق ساقاللىق ئېبلىكخان خەتكە شۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
ئۆزەر، بۇغراخان ئاغامنىڭ بۇ پۈتۈكىنى ئۆنلۈك ئوقۇڭ، ئۆزەر، ئەمر، سەركەردىلەر ئاڭلاپ روھلانسۇن، دۈشمەنلىرىمىز كۆزىگە قان قۇيۇلسۇن! دېدى ئۇ.
ئەي شاھى دەۋران، ھاكىمى جاھان، ھەزرەتلىرىنىڭ دۇئالىرى بەرىكىتىدىن ئاغىلىرى بولمىش بۇغرا قاراخان تۇغانخان ئالىيلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇشى بەرھەقتۇر. ھەزرەتلىرىنى قۇتلۇقلايمەن، چوققۇر ئېگىلىپ تەزىم قىلغان بۆلۈنبەگ خەتنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، ئۈچ قېتىم سۆيۈپ ئۆنلۈك ئوقۇدى:
«ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. يەرۇ كۆكنىڭ ئىگىسى بولمىش ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز ئاللا، غەلىبىمىز ۋە مەغلۇبىيىتىمىزنى بەلگىلىگۈچىدۇركى، بىزگە كاتتا نۇسرەت، شەرەپ ئاتا قىلدى. بۇ نۇسرەت ۋە شەرەپ بىزنى ھەق يولغا باشلىغان ئىككى ئالەمنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەنۇپكى، ئۇنىڭ نۇرى پۈتۈن ئالەمنى مۇنەۋۋەر ئەيلىگەي، چاھار يارلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتى ئىرادىمىزنى چىڭىتقۇچى ئالتۇن كەمەردۇر.
ئى ئارسلانلار، شاھى ئېبلىكخان ئىنىم سىزگە، ساداقەتمەن
ۋەزىر - ۋۇزرا، ئەمىر - ئۆمەرالارغا، دانىشمەن ھاجىپلارغا، شەيخۇلىسلام باشلىق بالاساغۇن ئەھلىگە مەلۇم بولسۇنكى، بۈيۈك بابالارىمىزدىن مۇقەددەس ماكان تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن جانىجان ئېلىمىزگە بېسىپ كىرىپ قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەخم قىلغان قىتان قوشۇنلىرى بىلەن ئىككى يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، ئاخىر شانلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق. قىتان لەشكەرلىرىنى يەتتەسۇدىن سۈرگەنچە، ھايات قالغانلىرىنى ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا قايتىپ كەلمەسكە قوغلىۋەتتۇق. نۇرغۇن ئەسىرلەرنى ئىمانغا كەلتۈرۈپ، ئولجا - غەنىيمەتلىرىنى ئات - تۆگىلەرگە يۈكلەپ زەپەر بىلەن قايتىپ كېلىۋاتىمىز. جەڭگاھلاردا ھايىل بېشى ① بەگتۈرمۈش باشلىق يۈزلەنگەن ئالىپلىرىمىز جان تەقدىم قىلدى، بوزاغۇ قاتارلىق مىڭلىغان ئالىپلىرىمىز غازى بولدى. بىلىپ قويۇڭلاركى، رەقىبلەرگە باش ئەگمەي قەتئىي قارشى تۇرغانلار غەلىبە قۇچىدۇ، رەقىبلەرگە تىز پۈكۈپ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغانلار مەغلۇبىيەت بىلەن خورلىنىدۇ، ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ، كۈلپەتلىك كۈنگە قالىدۇ!
غازىلارنىڭ بىرىسى بولغان ئالىپ ئۆدەمنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتىم، غەم - ئەندىشىدىن خالاس، شاد - خۇرام سەپراس بولۇپ بىزنى كۈتۈۋالغايسىزلەر.
ھەممىمىزگە ئاللا مەدەت قىلغاي.
بۇغرا قاراخان ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغانخان.
ھىجرىيە 404 - يىلى ماهى شەئباننىڭ 19 - كۈنى ②»
خەتنى ئوقۇپ بولغان بولۇنبەگ ناھايىتى روھلانغان ھالدا قامچىسىنى قىرىپ، خىيالچان ئولتۇرغان رەيھاننىڭغا قارىدى:
① ھايىل بېشى — ئەللىكتىن كۆپرەك نۆكەرنىڭ باشلىقى. ② مىلادىيە 1013 - ، 1014 - يىلى 3 - ، 4 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
«قانىتىمۇ سۇنۇپتۇ ھاجىپ، ئەمدى پەرۋاز قىلغىنىمنى كۆرەي» دېدى ئۇ ئىچىدە.
«تۇغقانخان ئاغام ئۆلگەن بولسا، بۇغرا قاراخانلىق تەختىدە مەن ئولتۇرىدىغان بولاتتىم. ئۇنى يەنە داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالىدىغان بولدۇم، ھەي، كاج تەقدىر…» دەپ ئويلاپ ئىچى ئېچىشىپ كەتكەن مەنسۇرخان ئۆزىگە چىرايلىق كۈلكە يۈگۈرتۈپ:
— ئۇلۇغ خاقان ئاغامنىڭ جەڭگاھتىن ئەۋەتكەن بۇ مۇبارەك پۇتۇكى غەمكىن بېشىمىزنى ئاسمانغا يەتكۈزدى. ئەسكىرىمىزگە بىر يۈرۈش كەدۇت① سۆيۈنچە بېرىلسۇن. باش ۋەزىر بولۇنبەگكە ئالىپ يىگىتنىڭ ئاتىسى بولغىنى ئۈچۈن زەر تون كىيگۈزۈلسۇن! ھاجىپ رەيھاندىنغا ھازىرلىق قارا مەخمەل تون يېپىلسۇن! — دەپ ئەمىر قىلدى.
بولۇنبەگ تىزلىنىپ ئېگىلدى:
— مېنىڭ ئوغۇللىرىم ھەر قاچان ئالىيلىرى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار دۇر.
— قۇللۇق، — يەك تىز بولۇپ يۈكۈندى ئودمىش، — پېقىر نۆكەرلىرى مىنىپ كەلگەن قارىگەرنى كەدۇت ئورنىدا سۆيۈنچە قىلىپ بېرىشلىرىنى ناھايىتى مىننەتدار بولاتتىم.
— ئەگەر ئۇ ئاتقا مەيلىڭىز بولسا، تېلىپىڭىز ئورۇنلانسۇن!
— بۇ ئات بىلەن ياۋغا دەھشەت سالىمەن ئالىيلىرى!
نېمە ئۈچۈندۇر مەنسۇر ئېلىكخاننىڭ چىرايى سۈرۈنلەشتى. بولۇنبەگنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى.
خەزىنىچى ئۆزەر پەتنۇسقا ئېلىنغان تونلارنى خىزمەتچىلەرگە كۆتۈرتۈپ كىرىپ كەلگەندە، رەيھاندىن ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ دېدى:
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئەل — يۇرت ئۈچۈن جان تەستەددۇق
① كەدۇت — تەقدىم قىلىنىدىغان بىر يۈرۈش كىيىم — كېپەك، يەڭلىك ئات، ساۋۇت، قورال — ياراغ.
قىلغان باھادىر ئوغلىم ئۈچۈن ھازا تۇتمايمەن. ئۇنىڭ ياق بىلەن ئېلىشىپ جەڭگاھتا قۇربان بولغىنى، مەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي مۇكاپات. ھازىرلىق توننى قايتۇرۇپ ئەكەتسۇن!
ساراي ئىچىنى جىمىجىتلىق باستى. چېھرى ئۆچكەن مەنسۇر ئېلىكخان نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدى.
23
ئىككىنچى باب: سەھەر جىمىتلىقنى بۇزغان سېھىرلىك ئۈن
1
ھاجىپ رەيھاندىن كۈن ئولتۇرۇشقا نەيزە بويى قالغاندا ئوردىدىن قايتتى. ئونىڭ ئاق قاشقا ئارغىمىقى كەينىدىن قارا بويۇن جەدەنى مىنىپ كېتىۋاتقان ئون يەتتە - ئون سەككىز ياشلىق بويانقار غوجايىننىڭ ھەر كۈنكىدەك خۇشخۇي ئەمەس، خىيالچان بولۇپ قالغىنىدىن ھەيرانلىقتا قالغانىدى. «ھاجىپ ئاغامغا نېمە بولغاندۇ، ئېلىكخان قاتتىق تەگكەنمىدۇ، يا ئۆزەر، ئەمىرلىرىنىڭ بىرەرسى رەنجىتىپ قويغانمىدۇ؟ بەكلا پەرىشان كۆرۈنىدۇغۇ؟…» بونىڭ سەۋەبىنى سورىماقچى بولدى - يۇ، ئەدەپسىزلىك قىلغان بولماي يەنە، دەپ يالتىپ قالدى.
بۇلار قوزغۇردونىڭ مەركىزى كوچىسىدا كېتىۋاتاتتى. بۇغرا قاراخان سارىيىدا ئوغلىنىڭ قازا تاپقانلىقىنى ئۇققان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ھاجىپنىڭ ۋۇجۇدىنى مۇسىبەت قايغۇسى چۆلگەندى. ئونىڭ بەش بالىسى بولۇپ، تۇنجىسى يالغۇز ئوغۇل بەگتۈرمۈش ئىدى. قالغان تۆتى قىز ئىدى. قانىتى سۇنغان، يۆلەنچۈكى ئۆرۈلگەن تۇرسا، ئۇ نېمىشقا ھەسەرتلەنمىسۇن.
مەنسۇر ئېلىكخاننىڭ ھېچقانداق تەسەللى بەرمەيلا ھازىرلىق تون تەقدىم قىلىشى، ئوغلى ھېلىمۇ ھايات بولغان بولۇنباگنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى تەبىئىي خۇش چاقچاق بۇ ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويغانىدى. شۇنداقتىمۇ يول ئۈستىدە قوللىرىنى
كۆكسىگە ئېلىپ سالام بەرگەن تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن - كاسىپ، نۆكەر، ياساۋۇل، چەۋەندازلارغا ھەرۋاقىتتىكىدەك ئىلىق جاۋاب سالام قايتۇردى. بەزىلەر بىلەن ئاتتىن چۈشۈپ تىنچلىق - ئامانلىق سوراشتى، بەزىلەر بىلەن ئېتىنى توختىتىپ پاراڭلاشتى، بەزىلەردىن ھال سورىدى، قايغۇسىنى زادى بىلدۈرمىدى. ئۇ بىر قانچە كۆزدىن ئۆتتى. يان كوچىغا بۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر، چىگىل، قارلۇق قەبىلىلىرىنىڭ ھاللىق جەمەتلىرى ئورۇنلاشقان باغۇبوستانلىق بەگبۇقا مەھەللىسىگە يېتىپ كەلدى. بىر ئېرىق سۇ كوچا بويلاپ ئاقماقتا ئىدى. ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىك بېشىغا بۇغراخان پادىشاھلىقىنىڭ ھال رەڭ تۇغى قاداقلىق تۇراتتى.
رەيھاندىن مانا مۇشۇ مەھەللىدىكى زەردار ئۇيغۇر ئائىلىسىدە، مۇسا بايتەش بۇغراخان ① زامانىدا ھىجرىيە 369 - يىلى ② تۇغۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بەگتۆمۈر بەگبۇقا ئىسىملىك مەشھۇر سەرگەردىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئىبادەتلىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بەگبۇقا بىر مەزگىل بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغانىدى. مۇسا بايتەش بۇغراخان مەرھۇم ئىنىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ③ ئوغلى ھارۇن تېكىن بىلەن بەگبۇقانى سامانىيلار خانلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى. بەگبۇقا تۈمەنبېگى بولۇپ ئاتلىنىپ، دۈشمەن بېسىۋالغان تالاس شەھىرىنى ④ قورشىۋالغانىدى. جەڭدە ئۇنىڭ قولى چېپىلىپ كەتسىمۇ ئاتتىن چۈشمەي، سول قولىدا قىلىچ ئوينىتىپ، تالاس شەھىرىگە بىرىنچى بولۇپ بېسىپ كىرىپ، سامانىيلار خانلىقىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلغانىدى. بەگبۇقا زەپەر قۇچۇپ قاراخانىيلارنىڭ باش پايتەختى ئوردۇكەنتكە ⑤ كەلگەندە، مۇسا
① مۇسا بايتەش بۇغراخان — سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى. ② ھىجرىيە 369 - يىلى — مىلادىيە 978 - ، 979 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. ③ سۇلايمان ئارسلانخان — سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى. ④ تالاس — ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى شەھەر. ⑤ ئوردۇكەنت — قەشقەر، ئوردا شەھىرى (خان تۇرىدىغان شەھەر).
بۇغراخان ئۆزى ئالدىغا چىقىپ بۇ باھادىر ئەزىمەتنى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال - دۇنيا سوۋغا قىلىپ «يابغۇ» ئۇنۋانىنى بەرگەنىدى. ئىسسىقكۆل① ئەتراپىدىكى زېمىننى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغانىدى.
ئۇ ئۈچ خوتۇندىن سەككىز ئوغۇل، توققۇز قىز پەرزەنت كۆرگەنىدى. بەش ئوغلى ئۆزىگە ئوخشاش خانلىقنىڭ لەشكەرى قىسىملىرىدا سەردار ئىدى. ئۈچ ئوغلى قەشقەردە ئوقۇۋاتاتتى. بۇلاردىن بىرىسى مۇدەررىس، ئىككىسى سودىگەر بولدى. بولۇپمۇ كىچىك ئوغلى بەگتۆمۈر كارۋان بىلەن سەمەرقەنت، باغدات، بەسرە، ئىسكەندەرىيە، كونستانتىنوپول②، رىم قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ تىجارەت قىلىش جەريانىدا، زامانىسىنىڭ داڭلىق سودىگەرلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى. ئۇ قەيەرگە بارسا چوك ئوغلى رەيھاندىننى بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئالدى - ساتتى ئىشلىرىدا پىشۇرغانىدى. پاراسەتلىك بۇ نەۋرىسىدىن ئىككى ئەۋرە كۆرگەن بەگبۇقا تولىمۇ خۇشال ئىدى. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە نۆكەر بولغان بۇ مويسىپىت ئۈچ قاراخان③ بارگاھىدا خىزمەت قىلىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئۈچىنچى ئەۋرىسى تۇغۇلغاندا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئاكىلىرى ئۆي - ئوچاقلىق، ئاچىلىرى ياتلىق بولۇپ ئۆز قورو - جايلىرىدا تۇرۇۋاتقاچقا، بەگتۆمۈر بالىلىرى بىلەن ئاتىسىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي يېقىپ، چوك ئۆينى تېخىمۇ ئاۋات قىلدى.
تۇرمۇش ئىنسان ئارزۇ قىلغاندەك ھەمىشە خاتىرجەم ئۆتۈۋەرمەيدۇ. بەگتۆمۈرنىڭ ھارۇن ئارسلانخانغا نۆكەر بولۇپ كەتكەن ئىككى ئوغلىنىڭ سامانىيلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يارىلىنىپ ئۆلگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر كېلىپ، ئۇنىڭ ئارامى
① ئىسسىقكۆل — ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى چوڭ كۆل. ② كونستانتىنوپول — ھازىرقى ئىستانبۇل. ③ ئۈچ قاراخان — سۇتۇق بۇغراخان، مۇسا بۇغراخان، ھارۇن بۇغراخان.
بۇزۇلدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئوغلى رەيھاندىن ۋە ياتلىق قىلىنغان بەش قىزى قالغانىدى. ياشىنىپ قالغان بەگتۆمۈر پۈتۈن سودا ئىشلىرىنى پاراسەتلىك بۇ ئوغلىغا تاپشۇرۇپ، ئاخىرقى ئۆمۈرنى تائەت - ئىبادەتكە بېغىشلىدى.
رەيھاندىننىڭ بەشىنچى بالىسى دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، ھارۇن بۇغراخان ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغقانخان بۇغرا قاراخان بولدى. ئەلدە ئاسايىشلىق كۈنلەر باشلاندى. تىجارىتى روناق تېپىۋاتقان بۇ زەردار بالاساغۇنغا كاتتا بىر مەدرىسە، ئىككى چوڭ مەسچىت سالدى. بالاساغۇن بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدىكى يولنى كېڭەيتىپ ياسىتىپ، راۋانلاشتۇردى. چۇ دەرياسىغا كۆۋرۈك سالدۇردى. ئۇنىڭ مەرد - مەردانىلىكى تىللاردا داستان بولۇپ، خەلق ئارىسىدىكى ئابرۇيى ئۆستۈرۈپلا قالماي، بۇغراخانلار جەمەتى ئىچىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلدى. بۇغرا قاراخان ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغقانخان ئۇنى بارگاھىغا چاقىرتىپ ھاجىپلىققا تەيىنلەپ، ئىلتىپات كۆرسىتىپ يېقىنچىلىق قىلدى. رەيھاندىن بۇ يۇقىرى مەنسەپنى بۇغرا قاراخان بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشتا كۆۋرۈك قىلىش ئارزۇسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق تىجارىتىنىمۇ داۋاملاشتۇردى. ئۇ تۇنجى بالىسى بەگتۆمۈرشنىڭ تويىنى قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، مەملىكەت ئاسمىنىدا قارا بۇلۇت پەيدا بولۇپ قۇياش يۈزىنى توستى. بۈيۈك چىننىڭ يىراق شەرقىي شىمالىدىكى قىتان خانلىقى ياللوغ خۇاگى دېگەن سەركەردىنىڭ باشچىلىقىدا ئون تۈمەن كىشىلىك قوشۇن بىلەن قاراخانىيلار ئېلىگە ھۇجۇم قىلدى. موڭغۇل يايلاقلىرىنى چېلەپ، ئورخۇن دەرياسىدىن چاپ - چاپ قىلىپ ئۆتتى. ئالتاي تاغلىرىنىڭ گۈزەل باغرىنى قانغا بويدى، يەتتەسۇ بوستانلىقىغا باستۇرۇپ كىردى. بۇ جايلاردا ياشاۋاتقان يابغۇ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، مال -
27
مۈلۈكنى بۆلۈپ، ئۆيلىرىگە ئوت قويدى. بۇغرا قاراخان تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ غەزەپكە كەلدى. ئۇ دەرھال ھەرقايسى يۇرت - قەبىلىلەرگە يارلىق چۈشۈرۈپ يىگىرمە تۈمەن قوشۇن توپلىدى. ھاجىپ رەيھاندىن بۇ قوشۇننىڭ راسخوتى ئۈچۈن مىڭ سەر ئالتۇن بەرگەندىن تاشقىرى، ئۆز يىلىقىدىن تاللانغان مىڭ ئاتنى يايلاق ئەسكەرلىرىنىڭ مىنىشى ئۈچۈن ئېگەر - جابدۇقى، قورال - ياراغلىرى بىلەن بەردى. تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئوغلى بەگتۈرمىشنى قىتان قانخورلىرىنى مەغلۇپ قىلمىغۇچە ئارقىغا يانماسلىققا قەسەم قىلدۇرۇپ، پىدائىي ئەسكەرلەر بىلەن يولغا سالدى…
رەيھاندىن ئېگىز سۆگەتتىن چۈشكەن سايىدەك تاشلاپ تۇرغان يولدا ئويغا چۆكۈپ كېتىۋاتاتتى.
بۇ مەھەللىنىڭ كوچىسى شەرقتىن غەربكە، ئاندىن جەنۇبقا سوزۇلغانىدى. ئۇ دوقمۇشتىكى چوك ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندىلا ئاتتىن چۈشتى. ئىشىك بېشىدا قاراخانىيلارنىڭ ھال رەڭلىك تۇغى لەپىلدەپ تۇراتتى. ئاتتىن سەكرەپ چۈشكەن بويانقار ھاجىپنىڭ قولىدىن ئارغاماقنىڭ تىزگىنىنى ئالدى.
يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان، يەكتەك كىيگەن خىزمەتكار ئىشىكنى ئاچتى.
— ھارمىغايلا ھاجىپ غوجام؟
— رەھمەت ئاشانمۇقا، ئوبدان تۇرغانمۇسەن؟
— دۇئالىرى بەرىكىتىدىن ئوبدان تۇردۇم، غوجام، ئوغلۇم ھەزرەتلىرى خاپا قىلمىغاندۇ؟
— ياق، خاتىرجەم بولغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىدىن رازىمەن.
رەيھاندىن ئاتلارنى ئېغىلغا ئېلىپ ماڭغان بويانقارغا قاراپ قويدى.
ئۇ كۆڭۈرلۈك دەھلىزدىن ئۆتۈپ، ساداقەتمەن دېدەك بىلەن ئەھۋاللاشقاچ گۈلزارلىق ھويلىغا كىردى. ئۇنىڭغا قامچىنى
بېرىپ، يېڭى يوپۇراق چىقارغان ئۈزۈم تاللىرى ئارتىلغان بېدەم ئاستىدىكى خىش يول بىلەن خانىغا قاراپ ماڭدى.
نەقىشلىك تۈۋرۈكلەرگە گۈلدار ئەگمە قويۇلغان پېشايۋاننىڭ سول ياندىكى سوپىسىدا ئويناۋاتقان ئالتە ياش چامىسىدىكى ئاققۇچ يۈزلۈك قىز قورچاقنى تاشلاپ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئېسىلدى.
— ئابا، ئابا! ① …
قىزچاقنىڭ قىزىل ياغلىقى قارا كۆكۈللىرى تاشلانغان ئىنچىكە بوينىغا چۈشۈپ قالغانىدى.
— ئاپپاق قىزىم ئارچۈن، كېپىلە قوزام، — ئاتىسى ئۇنى كۆتۈرۈۋالدى.
— ئابا، ماڭا نېمە ئېلىپ كەلدىڭ؟ — كۆمۈرۈشتەك كۆزلىرىنى ئوينىتىپ سورىدى قىز.
— ساڭا ئوسما، ياقاق خالتىسى ئېلىپ كەلدىم.
رەيھاندىن ھەر كۈنى بۇ ئوماق قىزىغا بىرەر تاتلىق - تۇرۇم، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. بۈگۈن كېلىۋېتىپ سېتىۋالغان نەرسىلەرنى بەردى.
ئارچۈن تاقلاپ - سەكرەپ، ئايۋاندا كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان ئاچىلىرىنى چاقىردى:
— ئاپا، ئاپەكە! ②
رەيھاندىن ئارچۈننىڭ يېتىلىشى بىلەن پېشايۋاننىڭ ئىككى سوپىسى ئارىلىقىدىكى يەتتە پايدىن چىقىپ ئايۋانغا كىردى.
— ئابا، ئابام كەلدى، — دەپ توۋلىدى قىن - قىنىغا پاتمىغان ئارچۈن.
ئون بەش، ئون ئۈچ، توققۇز ياشلاردىكى ئۈچ قىز ئايۋاننىڭ ئالما دەرىخى رەڭلىك گۈللۈك گىلەم سېلىنغان سوپىسىدىن
① ئابا — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئاتا دېگەننى، ھەم ئاپا دېگەننى بىلدۈرىدىغان قوش مەنىلىك سۆز. ② ئاپا، ئاپەكە — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئاچا، ھەدە دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
تەڭلا چۈشۈپ تەزىم قىلىشتى. — ئەسسالام، ئاتا! — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قوزىلىرىم. ئارچىن ئاچىلىرىنى دوراپ ئېگىلدى-دە، ياغلىقى سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. — ھۆ شەيتان قىز، ئاتاڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما، — ئايۋاننىڭ ئوڭ يېنىدىكى ساراي ئۆيدىن چىققان قارا كۆز، بويچان جۇۋان ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ نازاكەت بىلەن سالام بەردى ۋە رەيھاننىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، زەر ياقىلىق تونىنى سالدۇردى. — چارچىغاندەك تۇرىدىلا ئاتىسى، ھۇجرىغا كىرىپ بىرئاز ئارام ئېلىۋالسىلا. — چارچىمىدىم، يابىرا، قارا چەكمەن تونۇمنى ئاچىقىپ بېرىڭ. — بىر يەرگە بارىدىغان ئوخشىماملا؟ — ياق، — رەيھان بىر دەملا، ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، — بالىلارنى ئېلىپ ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا بىللە چىقىمىز. — بالىلار ھېلى كىرىپ چىققاندى. — يەنە كىرەيلى، دەيدىغان گەپ بار، ئانىسى. يابىرانىڭ قوشۇما قاشلىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇ ئېرىنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش، كەچ مەزگىللىرىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ ھال سوراپ ئولتۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتى، بەزىدە بالىلار بىلەن، بەزىدە ئۆزى بىلەن، بەزىدە يالغۇز كىرەتتى. «ئەجەبا، كىرىپ چىقتۇق دېسەك، دەيدىغان گەپ بار، دەۋاتىدۇغۇ، نېمە گەپ بولغىيدى؟ چىرايىدىن پەرىشانلىق چىقىپ تۇرۇپتۇ» ئويلاپ خاس ئۆيگە كىرگەن يابىرا ھاۋا رەڭ يىپەك كۆڭلەكلىك ئۈستىدىكى قارا نىمچىسىنى كىيىپ چىقتى. رەيھاننىڭ ئونىڭغا قاراپ باش لىڭشىتىپ: — قىزلىرىم، سىلەرمۇ قارا نىمچەڭلارنى كىيىۋېلىڭلار، —
دېدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ھەسرەتلىك چىقتى. — نېمىشقا ئاپا؟ — چوك قىزى ئايتۇلۇن سوئال نەزىرى بىلەن مۆگلىنىپ قارىدى. — بىردەم تەخىر قىلغىن، قىزىم. رەيھاندىن ئۇلارنى باشلاپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى گىلاس دەرەخلىرى شىلدىرلاپ تۇرغان باغ يولى بىلەن ئىچكىرىكى ھويلىغا ئۆتتى. بۇ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۈيى لىق كۆل بار ئىدى، كۆل ئەتراپىغا مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇراتتى. ياشىنىپ قالغان بەگتۆمۈر قەدىناس خوتۇنى زەھىران بىلەن كۆل بويىغا قويۇلغان كارىۋاتتا يانپاشلاپ ياتاتتى. — مەرھابا بالىلىرىم، مەرھابا! — بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتۈن بالىچاقىلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن ئوغلىنى سۆيۈپ كۈتۈۋالدى. — ئوغلۇم، سىلى كۈندە نەچچە قېتىم يوقلاپ يۈرەكلىرىمىزنى ياشارتىپ تۇرۇۋاتىدۇلا، — ئۇ سۆزلەۋېتىپ بىردىنلا توختاپ قالدى. ھەممىلەنگە كۆز يۈگۈرتۈپ، بۇنىڭ ئادەتتىكى يوقلاش ئەمەسلىكىنى بىلدى، — يۈرۈڭلار، ئۆيگە كىرىڭلار، — دېدى ئۇ ئالدىدا مېڭىپ. رەيھاندىن ئاق رومال سالغان زەھىران ئانىنىڭ قولتىقىدىن يۆلەپ پايىدىن چىقىرىپ، ئاتىسىنىڭ كەينىدىن ساراي ئۆيگە كىردى. بۇ ئۆينىڭ ئالدى تېمىنىڭ دەرىزىسى ھويلىغا، ئارقا تېمىنىڭ دەرىزىسى باغقا قارىغاچقا يورۇق ئىدى. ئاسا جۈپ قىلىنغان تورۇسى ئادەتتىكى ئۆيلەرنىكىدىن خېلى ئېگىز بولۇپ، گۈللۈك رەختتىن زەبۇنال تۇتۇلغان تاملىرىغا ئەگەمە ئويۇق چىقىرىلغانىدى. ئۆيگە ئون ئىككى گەزلىك پارس گىلىمىدىن تۆتى سېلىنغانىدى. قىزلىرى، كۈيۈئوغۇللىرى، ئاكا - ئاچىلىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەلگەندە، بەگتۆمۈر ئۇلارنى مۇشۇ ئۆيگە باشلايتتى. رەيھاندىننىڭ بالىچاقىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. ئادەتتىكى چاغلاردا بۇ ئۆي بوش
31
تۇراتتى، خىزمەتكارلار ھەر كۈنى سەھەردە بۇ ئۆينى تازىلاپ چىندەك قىلىۋېتەتتى.
بەگتۆمۈر زېمىران ئانا بىلەن ئويما نەقىش چېكىلگەن گۈمبەزلىك ئوچاق يېنىدا — تۆردە ئولتۇردى. مەرھۇم بەگبۇقانىڭ ساۋۇت — دۇبۇلغىسى مانا مۇشۇ يەرگە ئېسىپ قويۇلغانىدى. ئۇنىڭغا يانداشلا باتۇر بوينىنىڭ قىلىچ — قالقىنى، ئوقيا — گورزىسى، نەيزە — خەنجەرلىرىمۇ ئېسىلغانىدى. بۇ ئۆي شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پۈتۈن جەمەتكە روھ ۋە جاسارەت بېغىشلايدىغان ساراي ھېسابلىناتتى.
— خوش ئوغلۇم، بۈگۈن بۇنداق كىرىشلىرىدە بىزگە ئېيتىدىغان مۇھىم بىر خەۋەر بار ئوخشىمامدۇ؟ — بەگتۆمۈرنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى رەيھاندىنغا تىكىلدى.
— ھۆرمەتلىك بۈزرۈكۋار، ئىنساننىڭ ئىككى سەپەر ئۈستىدە ئىكەنلىكى ئۆزلىرىگە ئايان، مەنزىلنىڭ بىرى بۇ دۇنيا، بىرى ئۇ دۇنيا.
— ئارى ئوغلۇم، ئارى، — كۆكسىگە چۈشكەن ئاق ساقىلىنى سىيپاپ باش لىڭشىتتى بوۋاي، — ھاياتتا ئۆلۈم — يېتىم بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ياشىغان يەنىلا گۈزەل.
— توغرا دېدىلە ئاتا، ياشىغان ئەلۋەتتە گۈزەل. بىراق، ئوغلىمىز بەگتۈرمۈش بىزنىڭ بەخت — سائادىتىمىز، ئېلىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئۆلۈمنى گۈزەل كۆرۈپتۇ. مانا مۇشۇ خەۋەردىن ئانام بىلەن ئۆزلىرىنى، پۈتۈن جەمەتمىزنى ۋاقىپلاندۇرغىلى كىرگەندىم. ئانىسىمۇ، سىڭىللىرىمۇ تېخى ئاڭلىمىغانىدى…
— ئاھ، ياش يوپۇرماق بالام !… — دەپ ھوشسىزلانغان يابرانى يۆلەۋالغان رەيھاندىن ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆۋۈلدى.
— سەۋر قىلىڭ ئانىسى، ئاللا سەۋر قىلغانلار بىلەن بىللە.
قىزلارمۇ ياشلىقنى كۆزىگە تۇتۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
— ئەجەب غەيۇر بالا ئىدى نەۋرەم، يۈرۈش — تۇرۇشى بوۋىسىغا بەك ئوخشايتتى، — زېمىران ئانا ئوغلىنىڭ يېنىغا
32
ئۆتۈپ، كۆزىنى ئاستا ئاچقان كېلىننىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئالدى، — بالام، يىغلىماڭ، مىڭ قاقشىساقمۇ تىرىلمەيدۇ. نەۋرەم بەگتۈرمۈش ئادەتتىكى ئۆلۈم بىلەن ئەمەس، يۇرتىمىزنى مۇستەبىت بولۇشتىن، ئەلنى قۇل بولۇشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى تاغىسېدەك جېنىنى پىدا قىلىپ ئالەمدىن كېتىپتۇ. يىغلىماڭ بالام، يىغلىماڭ. يىغلىماڭلار بالىلىرىم، — دېدى ئۇ كۆزلىرىدىن يۇم — يۇم ياش تۆكۈپ.
— مۇنداق ئۆلۈم جەمەتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى، بالىلىرىم، — كۆزلىرىدىن ياش قويۇلغان بەگتۈمۈر ياغاچ ئالقاننى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالدى، — قېنى، ھەممىمىز دۇئا قىلىپ ئۇنىڭ روھىنى شاد قىلايلى!
ئۇ بوغۇق ئاۋاز بىلەن سۈرە «تابارەك»نى قىرائەت قىلدى. ھەممەيلەن يىغىدىن توختاپ جىمىجىت بولۇشتى. بەگتۈمۈر دۇئاغا قول كۆتۈردى.
— ئى ھەممىنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرغۇچى ئاللا، ئۆز ئېلى، يۇرتى، جەمەتىنى قۇل بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەنگە بوي بەرمەي جان تەسەددۇق قىلغان پەرەنتىمىزگە جەننەتۇل فىردەۋس①تىن ئورۇن بەرگەيسەن. ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ياشلىرىمىزغا، ئەۋلادلىرىمىزغا غەلىبە — نۇسرەتنى يار قىلغايسەن. ئامىن…
رەيھاندىن كۆزلىرىنى بېسىپ تۇرغان قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ دېدى:
— ھۆرمەتلىك ئاتا، مېھرىبان ئانا، قازاغا رىزا بولۇش — ئىمانى كامىل مۆمىن بەندىلەرنىڭ خىسلىتى. مەن بۇ قازاغا رىزامەن. ھازا تۇتۇشنى تەرەك ئېتىمەن، جەمەتىمىزگىمۇ ھازا تۇتماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، ئوغلوم دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ئاللانىڭ دەرگاھىغا كەتكەندۇر. مۇنداق شەرەپلىك
① جەننەتۇل فىردەۋس — جەننەتتىكى ئەڭ ئالىي جەننەت.
ئۆلۈم ھايات قالغانلار ئۈچۈن خاسىيەتلىك تويدۇر. ئەگەر بىز سەۋر سۈيىنى ئىچمەي يىغا زار قىلساق، دۈشمەنلىرىمىز كۈلىدۇ، ئوغلىمىزنىڭ روھى ئازابلىنىدۇ.
بەگتۆمۈر ئوغلىنىڭ تىلىكىنى ماقۇللاپ:
ھازا تۇتمايلى، قارىلىق كىيىمنى سېلىۋېتەيلى. بۇنى پۈتۈن جەمەتىمىزگە بىلدۈرەيلى. پەتكە كەلگەنلەر بىزنىڭ چىدام غەيرىتىمىزدىن تەسىرلەنسۇن، دەپ ئوغلىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى.
زەمىران ئانا كېلىنىنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى. ئۆينى سۈكۈت باستى.
2
ناماز بامداتتىن يېنىپلا ئاتىسى بىلەن بىرىنچى بولۇپ پەتكە كەلگەن ئۆدمىش ھاجىپ رەيھاندىن ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھازا تۇتۇپ يىغا زار قىلمىغانلىقىدىن سەل غەلىتەلىك ھېس قىلدى. ئاتىسى مۇسىبەت سورۇنىنى ئوقۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مۆكچىيىپ قالغان بەگتۆمۈرگە تەسەللى بېرىتتى. رەيھاندىن ئولارنى مەرھۇم ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىغا باشلاپ چىقتى. ئۇ كېچىچە قۇرئان ئوقۇپ ئۇخلىمىغانلىقى ئۈچۈن، كۆزىگە قىزىللىق تېپىپ، ياقاق سۆڭىكى بۆرتۈپ چىققانىدى. لېكىن، ئۆزى مەزمۇت، تەمكىن ئىدى.
چاغرىبەگ① ئادامتۇغرۇل جانابلىرى، باقىيغا كەتكەن ئوغلىمىز ئۈچۈن ھازا تۇتمىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئەجەبلەنگەن بولۇشلىرى مۇمكىن. مەن بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ پەرەزەنتىمىز ئۆدمىشتىن ئەۋەتكەن پۈتۈكىدىن ئوغلىمنىڭ ئېلىپ
① چاغرىبەگ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى، ئەل ئۈچۈن زور خىزمەت كۆرسەتكەن سەركەردىلەرگە بېرىلەتتى.
ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوقۇپ، ئوزاتقان چېغىمدا بەرگەن قەسەمگە لۆيىق باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن يىغلىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز يىغلىساق دۈشمەن كۈلمەسمۇ؟ شۇڭا، جەمەتىمىز بويىچە قۇربان ئوقۇتۇپ، ھازا تۇتماسلىقنى نىيەت قىلدۇق. ئۇلۇغ تەڭرىمۇ قازاغا رىزا بولۇشىمىزنى خالايدۇ.
— ئاقىلانە ئويلاپلا ھاجىپ جاناپلىرى. تۈنۈگۈن مەنسۇر ئېلىكخان تەقدىم قىلغان ھازىرلىق توننى كىيىشنى رەت قىلغانلىرىدىنلا مۇددىئالىرىنى بىلگەنىدىم. يىغا ئادەمنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئوغلۇم ئۆتمۈشتىن بەگتۈرمۈشنىڭ قانداق جان تەقدىم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن كىچىكىدىن ئۆزۈم مەشىق قىلدۇرۇپ، ماھىر چەۋەنداز، مەرگەن قىلىپ يېتىشتۈرگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ، جاسارەتلىك بەستى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ئىچىم ئوۋۇلۇپ كەتتى…
«ھە، تۈنۈگۈن مەنسۇر ئېلىكخان ئالدىدىن يېنىپ چىققانلىرىمدىن كېيىن، ئۇستازىم ھازىرلىق توننى كىيىشنى رەت قىلغانىكەن — دە، بۇنداق يۈرەكلىك ئادەم ئاز تېپىلىدۇ» دېدى ئۆدمۈش ئىچىدە. ئۇ قارىگەرنى ئېلىپ ئوردىدىن ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن مەرھۇم دوستىنىڭكىگە بارغۇسى كەلگەنىدى. ئەكسىچە بۇنداق ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان ئايتولۇننىڭ يىغلىغان چاغدىكى مۇڭلۇق ئۈنىنى بولسىمۇ ئاڭلىغۇسى كېلىپ كەتكەنىدى. مانا، ئەتىگەن كېلىپ ئۆنىنىمۇ ئاڭلىيالمىدى، قارىسىنىمۇ كۆرەلمىدى.
— ئوغلۇم، بەگتۈرمۈش توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگىنە، — دېدى ئادامتوغرۇل ئورنىدىن تۇرۇپ بوز رەڭ قالپاق كىيىۋالغان بېشىنى سەل ئېگىپ. بەستلىك بۇ ئادەمنىڭ تۇرقىدىن ناھايىتى كۈچلۈكۈر ئۆكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۆدمۈش ئۇنىڭغا تارتىقاندى.
35
— ماقۇل ئابا. ئېھتىمال، ئېيتقانلىرىم ھاجىپ ئاغامنىڭ دەردىنى بىرئاز يېنىكلىتىپ قالار، — دېدى ئۇ، قايغۇلۇق نەزىرى بىلەن ئۆزىگە سەپسىلىپ ئولتۇرغان رەيھاندىنغا قاراپ، — ئۇستاز، بەگتۈرمىش ئىككىمىزنى بىللە ئۇزاتقان ئىدى. بىز شۇ ماڭغانچە قانغا بويالغان يەتتەسۇ دالاسىغا قەدەم قويدۇق. قىتانلار ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىنى بۇلاپ تالاڭ قىپتۇ، خوتۇن قىز ھەمشىرىلىرىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. قارىشىلىق قىلغان ئەرلەرنىڭ پۇتلىرىنى ئىككى دەرەخنىڭ شېخىنى ئېگىپ باغلاپ، ئازابلاپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئېغىر ئاياغ ئاياللارنىڭ قورسىقىنى قىلىچ بىلەن يېرىپ، تېخى دۇنياغا تۆرەلمىگەن بوۋاقنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. كىچىك گۆدەكلەرنىڭ يۈرىكىنى ئويۇۋېلىپ كاۋاپ قىلىپ يەپتۇ. بۇ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
ئۆدۈمىشنىڭ كۆز ئالدىغا ئاشۇ پاجىئەلىك مەنزىرە كېلىپ سۆزدىن توختاپ قالدى. ئۇنىڭ ئىككى چانىقى ياشقا لىق تولغانىدى.
— سۆزلە بالام، سۆزلە، — دەپ ئالدىراتتى ئاتىسى ياشلىرىنى سۈرتۈپ، — نېمىشقا ئېچىنىشلىق — ھە، قانداق تاقەت قىلىپ تۇرغانسىلەر؟
— تاقەت قىلىپ تۇرالمىدۇق. بۇغرا قاراخان غەزەپلىنىپ ئەسر ئالماسلىق توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. بەگتۈرمىش «قىتان قاراقچىلىرى قېرىنداشلىرىمىزنى قانداق ئۆلتۈرگەن بولسا، بىزمۇ ئۇلارنى شۇنداق ئۆلتۈرۈپ قىساس ئالماي قويمايمىز!» دەپ مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگۈپ ۋارقىراپ كەتتى. جەڭ باشلاندى. قىتان قانخورلىرى ئۆزى بېسىۋالغان ھەممە يېزا شەھەردە جاھىللىق بىلەن قارىشىلىق كۆرسىتىپ بىزنى چىكىندۈرمەكچى بولدى. بەگتۈرمىش: «ئارقىغا يېنىش ئاجىزلىق، دۈشمەن ئۈستىگە ئات سېلىپ ماڭغىنىمىز ماڭغان!» دەپ ھەم
مىمزنىڭ ئالدىدا قىلىچ ئوينىتىپ ماڭدى. بىز قىتانلارنى سۈر - توقاي قىلىپ، تەڭرىتاغ باغرىدىن، ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئېتەكلى - رىدىن قوغلاپ چىقاردۇق. دۈشمەن بولاپ ئېلىپ كەتمەكچى بول - غان تۈمەنلىگەن قوي، كالا، يىلقىلارنى، ئالتۇن، تىللا، يامبۇلارنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىپ قوغلاپ مې - ڭىۋەردۇق. ئەنە شۇنداق شىددەتلىك جەڭ بىلەن بىر يىل ئۆتتى. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز جان تەقدىم قىلدى. ئىككىنچى يى - لى دۈشمەننى ئىز بېسىپ قوغلاپ، ئارام بەرمەي ئېرتىش ۋادى - سى، بالقاش كۆلى ئەتراپىدا جەڭنى داۋاملاشتۇردۇق. بەگتۈرمۈش ھەرقاچان لەشكەرلىرىمىزنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، گاھ قىلىچ، گاھ نەيزە، گاھ ئوقيا بىلەن ئۇرۇپ، قىتان چېرىكلىرىنى يەر چىش - لەتەتتى. بىز جەڭ قىلىپ توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئورخۇن دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدۇق. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا بې - رىنچى بولۇپ ئات سالغان بەگتۈرمۈش بولدى. ئۇ قاتتىق تو - مەنگە كەلگەن دۈشمەن يادىن يامغۇردەك ئوق ياغدۇردى، سالغا، مەنجا - ناقتىن چوغ - كىچىك تاشلارنى ئېتىپ «تاش بوران» قىلدى. ئاتلىق، پىيادە ھارۋىلىق ئەسكەرلىرىمىز ئارقا - ئارقىدىن دەرياغا چۈشتى. مەن بەگتۈرمۈشتىن ئون قەدەملا ئارقىدا كېتىۋا - تاتتىم. ئۇ ئىككى قولىدا ئوقيا، قىلىچ تۇتۇپ، توسۇماقچى بولغان دۈشمەننى يىقىتىپ، قاچۇرۇپ يول ئېچىپ كېتىۋاتاتتى. بىر چاغدا گۈرزە تېگىپ بەگتۈرمۈشنىڭ چىپار تورۇقى يىقىل - دى. «ئاپلا!…» دەپ ئونىڭغا قاراپ ماڭدىم. شۇ ئارىدا ئورنىدىن تۇرغان بەگتۈرمۈش بىر قولى بىلەن ئۈزۈپ، بىر قولىدا قىلىچ ئوينىتىپ، نەيرە تارتىپلا قىرغاققا قەدەم قويدى. بىزمۇ كەينى - دىن قىرغاققا چىقتۇق. قىرغاقتەك دۈشمەن نۆكىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، بەگتۈرمۈشنى تىرىك تۇتماقچى بولدى. ئۇ بىر قولىغا قىلىچ، بىر قولىغا ئوقيانى ئېلىپ پىرقىراپ ئايلانغىنىچە ئۇرۇپ، سانجىپ بىر قانچە دۈشمەننى يەر چىشلەتتى. بىزمۇ ھەريا - دىن كەلگەن دۈشمەنلەر بىلەن قىلىچلىشىپ كەتتۇق. كەينى -
37
كەينىدىن قىرغاققا چىققان نۆكەرلىرىمىز قىتاندىن لەشكەرلىرىگە قورشاپ زەربە بەرمەكچى بولدى. مەن ئىختىيارسىز بەگتۈرمىش ئېلىشىۋاتقان تەرەپكە قارىدىم. يەتتە - سەككىز دۈشمەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سۇنايلىنىپ ياتاتتى. ئۆلتۈرۈپ قالغان بەگتۈرمىش قىلىچىنى توختىماي ئىشلىتىۋاتاتتى. ئۈچ دۈشمەن ئۇنىڭغا نەيزە تەڭلەپ كەلدى. ئېتىلىپ بارغىنىمچە دۈشمەننىڭ بىرىنى چېپىپ تاشلىدىم. بەگتۈرمىش بىرىنىڭ قارنىنى چۇقۇۋەتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، قاچقان دۈشمەننى قوغلاپ يېتىشۋېلىپ قىلىچ ئوردى، ئۆزىمۇ يىقىلدى. مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ يۆلىدىم. بېشىغا ئوقۇت تەگكەنكەن. ئىششىپ بۆرتۈپ چىققان يەردىن قان ئېقىۋاتاتتى. ئۆلۈك مۈرىسىگە، يانپىشىغا قىلىچ تەگكەن ئىدى. دۇقلاپ قان چىقىۋاتقان كۆكرىكىدە نەيزە ئىزى بار ئىدى. ئۇ شۇنداق ئېغىر يارىلانغان تۇرۇپ قىلىچنى تاشلىمىغانىدى، ھە دەپ قىلىچنى ئىشلىتىپ ئالدىغا ئىنتىلەتتى. شۇ ھالدا بىردىن جىم بولۇپ قالدى. قارىسام كۆز قارچۇقلىرى قېتىپ قاپتۇ. قۇلىقىمنى قان بىلەن بويالغان مەيدىسىگە ياقتىم، يۈرىكىمۇ سوقۇشتىن توختىغانكەن. «ئاھ، تەڭرىم! نېمىشقا دوستۇمنى بىز بىلەن بىللە غەلىبە شارابىنى ئىچىشكە بۇيرۇمىدىڭ؟!» دەپ يىغلاپ كەتتىم. دۈشمەنلەرنىڭ قاچقىنى قېچىپ، بىر قانچە مىڭى ئەسىر بولۇپ تىز پۆكتى. يايلاقلارىمىزدىن بولاپ كەتكەن تۆمەنمىڭلىغان مال - يىلىقىلارنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماي، سان - ساناقسىز ئولجا - غەنىمەتكە ئېرىشتۇق. بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى ھال رەڭلىك تۇغ بىلەن بەگتۈرمىشنىڭ ئۆلۈكىنى چاتتى. «بۇ ئالىپنىڭ جەسەتنى قوزغۇردۇغا ئېلىپ كېتىمىز. ئوبدان ساقلاڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. مېنى ئەشكەنچىلىككە تاللاپ، ئاستانىگە تېز خۇش خەۋەر يەتكۈز، دەپ بۇيرۇدى. مانا كېلىپ ھەربىرىڭلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. ئەپسۇس، بەگتۈرمىش غەلىبە تەنتەنىسىنى كۆرەلمىدى، ئابا، — ئۆدمىش سۆزىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇردى — دە، رەيھاننىڭ ئالدىدا تىزلاندى، —
پېقىر شاگىرتلىرىنى ئوغۇللىرى ئورنىدا كۆرگەيلا، ئۆزلىرىنى ھېچقاچان يەرگە قاراتمايمەن.
— جان دوست بۇرادىرىمنىڭ پەرھەنتى بولسىلىمۇ، سىلىنى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن، ئوغلۇم، پېقىرنى ئاتا ئورنىدا كۆرگەن بولسىلىرى، شۇنداق ئىشەنچكە كەلدىمكى، مەن يۆلەنگۈسىز قالمايدىكەنمەن.
رەيھاندىن ئۇنى تۇرغۇزۇپ قۇچاقلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
— غەلىبە تەنتەنىسىنى ئوغلۇمنىڭ تېنى كۆرمىگەن بىلەن روھى كۆردى، سىلى كۆردىلە بالام. ئو ۋەدەسگە ۋاپا قىلدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىپتىخارلىنىمەن، — ھاياجانلانغان ئاتا قىبلىگە قاراپ قوللىرىنى سۇنۇپ دېدى، — رەھمەت تەڭرىم، مېنى ئەل سۆيەر، ۋەتەن سۆيەر باتۇر ئوغلانغا ئاتا قىلغىنىڭ ئۈچۈن رەھمەت. ئەگەر ئاسىي قاچقۇنغا، ئاتا قىلىپ قويغان بولساڭ، بۇ يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەتتىم؟ رەھمەت تەڭرىم، رەھمەت!
ئۇ ئادامتۇغرۇلغا قاراپ دېدى:
— رەھمەت چاغىربەگ، ئوغلۇمنى باتۇر، مەرد ئەزىمەت قىلىپ تەربىيەلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن رەھمەت!
— ئاللاھدىن مىننەتدار بولسىلا بۇرادىرىم، پېقىر پەقەت بەندىلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم، خالاس. ئۆزلىرىمۇ پەرھەنتىم ئۆدمىشنى تەربىيەلەپ كامال تاپتۇردىلىغۇ. رەھمەتنى سىلىگە ئېيتساق بولىدۇ. ئەلنىڭ ھۆرلۈكى — ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئوغلۇنى ئاتلاندۇرغان، مىنگەن ئات، قورال — جابدۇق، ئالتۇن — كۈمۈش ياردەم قىلغان ئۆزلىرىدەك مەرد ئەزىمەتكە پۈتۈن قەۋم رەھمەت ئېيتىدۇ، — ئورنىدىن تۇرغان ئادامتۇغرۇل رەيھاندىننى قۇچاقلىدى. دەھلىزدە باياتىن بېرى ھۇجرا ئىشىكىگە يېقىن كېلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئايتولۇن ئاستا كەينىگە يېنىپ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشنى سۈرتتى.
رەيھاندىن ئۇلارنى ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ ئۇزىتىپ
39
قويدى.
پەتىچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈچ كۈنگىچە ئۈزۈلمىدى. تۆتىنچى كۈنى ھاجىپ رەيھاندىن ئوردىغا بېرىپ خىزمەتتە بولدى. ۋەزىر - ۋۇزارالار، ئەمىر - ئەركانلار بۇغرا قاراخان ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغانخاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىشىۋاتاتتى: بۇغرا قاراخان سارىيىنى زىننەتلەش، قوزغوردۇ كوچىلىرىنى كۆركەملەشتۈرۈش، چەت ئەل يالۋاجلىرىنى كۈتۈۋېلىش، مەملىكەت بويىچە غەلىبە تەنتەنىسى كۈنى ئۆتكۈزۈپ ئاۋام بىلەن داستىخاندا بىللە بولۇش، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈش، چېلىشىش، ئوغلان تارتىشتەك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
رەيھاندىن «ئاۋام بىلەن داستىخاندا جەم بولۇپ، غەلىبە شارابىنى ئىچىش» پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىككە بەلگىلەنگەنىدى. بۇ كاتتا سورۇندا بۇغرا قاراخان، ئېلىكخانلار ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشەتتى. شائىرلار مۇشائىرە ئوقۇيتتى. قىزىقچىلار قىزىقچىلىق قىلاتتى. سەنئەتكارلار ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشاتتى. ئاخىرىدا جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلەرگە، نام قازانغانلارغا تون كىيدۈرۈلۈپ، ئات مىنگۈزۈلەتتى. بۇ نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەسئۇلىيەتسىز زور پائالىيەت بولغاچقا، پۇختا تەييارلىق قىلىش زۆرۈر ئىدى. ئەھمەد تۇغانخان تەختكە چىقىپ ئۆتكۈزگەن «ئاۋام بىلەن داستىخاندا جەم بولۇش» سورۇنى كۆڭۈلگە ياقمىغاچقا، رىياسەتچىلەرنىڭ كاللىسى ئېلىنغانىدى. بۇ ساۋاقنى ھېسسە تۇتقان رەيھاندىن بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ھاكىمى ئېلىكبەگ بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەتلەشتى. ھەرقايسى بازار، كوچا، مەھەللىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى ئاكتىپلاندۇرۇپ، ئاۋامنى تېز ھەرىكەتكە
① يالۋاج — ئەلچى.
كەلتۈردى.
چارچىغان، ھارغان رەيھاندىن ئۆيگە كەچ قايتتى. يابرا ئېرىنىڭ ئويچان چىرايىغا زەن قويغاچ تونىنى سالدۇرۇپ، تاھارەت ئېلىشقا سۇ قويۇپ بەردى. ئۇ بۇنداق ئىشلارغا دەدەكلەرنى بۇيرۇمايتتى. بەلكىم بۇ بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولسا كېرەك، يۇيۇنۇش سۈيىنىمۇ ئۆزى ئىسسىتاتتى، بولمىسا قول - دەدەكلەر، ھۆر خىزمەتچىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. قىزلار باغ ئىچىدىكى كۆل بويىدا قوشنىسىدىن ئالغان دەرسلىرىنى تەكرارلىشىۋاتاتتى. رەيھاندىن ئۆز ھۇجرىسىنىڭ دەرىزىسىدىن ئۇلارغا كۆز سېلىپ، ئوغلىنى ئويلاپ قالدى. «ئۇ ھايات بولسا، ئوردىدىن كەلگەن چىغىمدا ئالدىمغا چىقاتتى، توينى قىلغان بولاتتىم…» تاراملاپ ئاققان يېشىنى ياغلىقى بىلەن ئېرتىقان ئاتا نامازغا تۇردى.
چاي دەملەپ كىرگەن يابرا ئېرى جاينامازدىن تۇرغاندىن كېيىن يىغلامسىراپ دېدى:
— ئاتىسى، ئوغلوم كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ يىغىدىن باش كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدىم. ئۆزۈمنى شۇنچە چىڭ تۇتساممۇ، ئىچ - ئىچىمدىن توختىماي ئوتلۇق ئاھ ئېتىلىپ چىقماقتا. چىدىماي قالدىم… — ئۇ ئېرىنىڭ مۈرىسىگە باش قويۇپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ ياش تۆكتى.
— يىغلىماڭ ئەزىزىم. سەۋر قىلماقتىن باشقا نېمە ئىلاجىمىز بار؟ كۆرۈنۈشتە ھازا تۈتمىگەن بىلەن، يۈرىكىمىز ھازا تۇتۇۋېتىپتۇ. راست، چىدماق تەس، لېكىن بۇ قازاغا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك، — دېدى رەيھاندىن خوتۇنىنىڭ مۇڭلۇق چىرايىغا زەن سېلىپ.
يابرا مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خېلىلا جۈدەپ قالغانىدى. سىپتا قاپاقلىرى ئولتۇرۇشۇپ، ماڭلايدىكى بىلىنەر - بىلىنمەس قورۇقلار كۆزگە چېلىقىپ قالغانىدى. بۇ نازاكەتلىك، خۇشخۇي جۇۋاننىڭ لەۋزەن قامىتى ئوشتۇمتۇت ئۆششۈك تەگكەن
41
گۈل شېخىدەك ئېگىلگەنىدى. رەيھانخاننىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىچى ئاغرىپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئون تۆت يېشىدا ئەمرىگە ئېلىپ، يىگىرمە يىلنى بىللە ئۆتكۈزگەن بۇ خوتۇنغا ئۈچ كۆيەر بولغان مېھرى كۈندىن - كۈنگە ئۆلغايىدۇكى، سۇسلاشمايدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلالماس دەرىجىگە يەتكەنىدى.
قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىمۇ بۇ كېلىننى بەك ياقۇتاتتى، ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ ئىززىتىنى قىلاتتى. يابىرامۇ ئۇلارغا كۆيۈنەتتى، چاي - تاماقنى ئۆزى ئېلىپ كىرىپ ھالىغا يېتەتتى، خىزمىتىنى ئېرىنمەي قىلاتتى. رەيھاندىن بۇ مەھەللىدىن شۇنچە رازى ئىدى.
يابىرا تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان بەگتاش موللىنىڭ كېنجى قىزى ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ ئابدۇللا دېگەن ئەرەبچە ئىسمى جامائەتكە مەشھۇر ئىدى. كىشىلەر ئابدۇللا داموللا دەپ ھۆرمىتىنى قىلىشاتتى. ئۇ چاغلاردا ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئىككى ئىسمى بولاتتى. بىرى، ئۆزۈنۈڭ مىللىتى، يەرلىك ئادەملىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىرى، مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە شاھىت ئىدى. ئاتىسى يابىراغا «ئامىنە» دەپ ئەرەبچە ئىسىم قويغان، لېكىن رەيھاندىن «يابىرا» دەپ چاقىرىشنى ياخشى كۆرەتتى.
يابىرا بەگتۈرمىشنى ئون ئالتە يېشىدا تۇغقانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان تۆت قىزى بىر - بىرىدىن چىرايلىق بولۇپ، ئۇلار ئائىلىنىڭ بىب aha زىننىتى ئىدى. بۇلار يىلىشپ بوي تارتىپ ئات مىنەلەيدىغان، ئوقۇيا ئاتالايدىغان، كىتاب ئوقۇيالايدىغان بولغانىدى.
بەگتۈرمىش يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا، ھەممىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارايتتى. مىجەزى ئوبدان، ئاق كۆڭۈل، قەيسەر بۇ يىگىت ئەمدى يوق ئىدى.
رەيھاندىن خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتكەن خوتۇننىڭ
ئىككى مۈرىسىدىن تۇتۇپ دېدى: — يابىسرا، ئارتۇقچە ھەسرەتلىنىش، ھەسرەت يۈرەكنى ئېزىدۇ، كىشىنى ئۈمىدسىزلىك دەشتىدە سەرساڭ قىلىۋېتىدۇ. سىز ماڭا، بالىلارغا كېرەك، ئاتا — ئانامغا كېرەك. بۇنداق قايغۇرۇپ ئاغرىپ قالسىڭىز ھەممىمىز ئازابلىنىمىز. بىزنىڭ ئازابلىنىشىمىزنى خالامسىز؟ — ياق، خالىمايمەن، — پىچىرلىدى يابىسرا ئېرىگە مۆلدۈرلەپ بېقىپ. — خۇدا يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىپ قالار. — خۇدا بۇيرۇسا يەنە بىر ئوغۇل تۇغسام كۆڭلۈم ئارامغا چۈشىدىغاندەك ئوخشايدۇ. ئوغۇل كۆرمىسەك سىلىنىڭمۇ كۆڭۈللىرى پۈتۈن بولمايدۇ. ئاھ، چاپسانراق بويۇمدا قالسا ئىدى… بۇ ئۇنىڭ يۈرەك نىداسى ئىدى. — مانا، مانا، ئەزىزىم، مېنىڭ ئۈمىدىم شۇ. يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىڭ. مەن تەڭرىمدىن بايلىق، ئەمەل تەلەپ قىلمايمەن، بىر ئوغۇل تەلەپ قىلىمەن. يابىسرا قولى بىلەن يېشىنى ئېرتىپ رەيھاندىنغا يۆلەندى. — مەن تۈنۈگۈن تاغقا يېقىن بىر چۈش كۆردۈم. — قانداق چۈش كۆرۈپسىز، ئەزىزىم. — چۈشۈمدە ماڭا بىر بۆرە خىرىس قىلىۋاتقاندەك. — تەڭرىم بىزگە يەنە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىدىكەن… رەيھاندىن ئۇنى باغرىغا باستى. ئالتۇندەك چاقنىغان كېچىكى شەپەق ھۇجرىسىنىڭ دېرىزىسىگە جۇلا تاشلىدى.
3
قىتانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە قۇچۇپ كېلىۋاتقان ئەھمەد تۇغانخان — سەيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ چوڭ ئوغلى
ئىدى. سېيىت ئەلى ئارسلانخان مەلىكە نۇر ئەلانۇر خېنىمنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى. نۇر ئەلانۇر خېنىم قاراخانىيلار مەملىكىتىنى بەرپا قىلغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ قىزى ئىدى. سۇتۇق بۇغراخان بازىر ئارسلانخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. بازىر ئارسلانخان قاراخانىيلار مەملىكىتىگە ئۆل سالغان بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى.
تۇغانخان بۇغرا قاراخان بولغاندىن كېيىن، خان جەمەتى ۋە ھەرقايسى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا نارازىلىق تۇغۇلدى. كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشلەر سادىر بولدى…
مەنسۇر ئېلىكخاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ، دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن ئوردا ئالدىدا تۇرغان رەيھاندىن قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، جەينىكىنى بېقىنىغا تىرەپ سەپراس بولغان ياساۋۇللارغا كۆز سالغان ھالدا، قاراخانىيلار تارىخىنى ئەسلەپ چىقتى. ئۇ بامدات نامىزىنى ئۆتەپلا، بالاساغۇندىكى يەتتە يۈز مەسچىت جامائىتىنىڭ رەت - رەت سەپ تۈزۈپ، ناغرا - كانايلارنى چېلىپ، تۇغ - ئەلەملەرنى كۆتۈرۈپ بۇغرا قاراخاننىڭ ئالدىغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولغانلىقىدىن كۆڭلى ئەمىن تېپىپ ئورداغا كەلگەنىدى. ئوردىنىڭ دەھلىز - دەرىخىلەر سايە تاشلىغان خىشلىق يوللىرى جانان چىنىدەك پارقىراپ كەتكەنىدى. تۇغ - ئەلەملەر قادالغان ئوردا ئىشىكلىرى داغدام ئوچۇق ئىدى. بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ دەرۋازىلىرى، تام - تورۇسلىرى سۇرتۇلۇپ زىننەتەلەنگەنلىكى ئۈچۈن، يېڭىدىن بىنا قىلىنغاندەك تەسىرات بېرەتتى. ئېلىكخاندىن باشلاپ دەرۋازىۋەنگىچە ئۈستىبېشىدىكى كىيىملىرىنى يېڭىلاپ تېخىمۇ سالاپەتلىك تۇس ئېلىشقانىدى.
رەيھاندىن يېشىل بەقەسەم تون كىيىپ، يېشىل شايى سەللە يۆگىۋالغانىدى. ئۇ ھەممەيلەن بىلەن تىنچلىق - ئامانلىق سورىشىپ، مەنسۇر ئېلىكخاننى پايتەخت ئاھالىسىنىڭ قارشى ئېلىش تەييارلىقىدىن واقفىيلاندۇرۇپ، بىر قىسىم دۆلەت
ئەربابلىرى بىلەن ئوردا ئالدىغا چىقىپ تۇرغانىدى. «تۇغانخان قورقۇمسىز، جاسارەتلىك بولغىنى بىلەن، بەكمۇ ئۆزۈمچىل. ئۇ قىتانلارنى يېڭىپ دۇنياغا تونۇلدى، ئەل - يۇرت ئىچىدە زور ئابرۇي قازاندى. ئەمدى كۆرەڭلەپ يوقرانى ئۇنتۇپ قالمىسا بولاتتى…» ئۇنىڭ خىيالى تۈگىمەي مەنسۇر ئېلىكخان ۋەزىر، ئەسكەرلىرى بىلەن چىقىپ كەلدى. ئۇ توم قارا ئارغىماققا مىنگەنىدى، خاس نۆكەرلىرى ئاق ئات مىنىشكەنىدى. ئۇ ھېچكىمگە قارىماي، ئىككى ياندا سەپراس بولۇپ تۇرۇشقان ئوردا نۆكەرلىرىنىڭ قىلىچىنى پەس تۇتۇپ بەرگەن ھۆرمەت سالىمىنىمۇ ئېلىك ئالماي مېڭىپ كەتتى. ئاندىن بۇغرا قاراخان تۇغانخاننىڭ خانىشلىرى، شاھزادىلەر، مەلىكىلەر، ئارسلانخان، ئېلىكخان جەمەتىگە تەۋەللۇق خانزادىلەر، كېنىزەكلەر، غۇلاملار ئاتلاردا ۋە ئاتتا يۈرۈپ كېتىشتى. دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان دۆلەت ئەركانلىرىمۇ مۇلازىملىرى بىلەن ئاتلىنىشتى. رەيھاندىن ئۇلار بىلەن كېتىۋېتىپ «مەنسۇر ئېلىكخاننىڭ كۆڭلى ئارامدا ئەھمەتەك قىلسۇن» دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئاجايىپ سەلەتەنەتلىك زىننەتلەنگەن «قوۋۇقى باشا» دىن ئۆتتى. بۇ دەرۋازىنىڭ پەشتىقىدا توقسان توققۇز نەپەر شادىيانىچىلار ئۆزۈن بۇرغا كانايلىرىنى، نەققىرە - سۇنايلىرىنى دەرھال چېلىشقا تەييارلانغان ھالدا يىراققا كۆز سېلىپ تۇرۇشاتتى. يەتتە چاقىرىم يەرگىچە يولنىڭ ئىككى قاسىنىقى سانجاق - سانجاق ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. رەيھاندىن ئۇلارغا قاراپ باش لىڭشىتىپ: «كاشكى، بۇغرا قاراخان ئۆزىنى شۇنچە ھۆرمەتلىگەن خەلقىنىڭ قەدرىگە يەتسە ئىدى…» دەپ ئويلىدى.
دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ ئورنى ئەل ئالدىدا بولغاچقا، مەنسۇر ئېلىكخان قارشى ئېلىشقا چىققان تۈمەنلىگەن ئادەم توپىنى بېسىپ ئۆتۈپ توختىدى.
رەيھاندىن كېتىۋېتىپ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە مەنسۇپ جەمەتلەرنىڭ تەرخان، بەگ، باي غوجام،
خېنىملىرى ئارىسىدا ئاپپاق ساقىلى يەلكۈنۈپ تۇرغان قامەتلىك ئاتىسى بەگتۆمۈرنى، ئانىسى زەھىران ئاغىچا خېنىمنى، خوتۇنى يابرا خېنىمنى، قىزلىرى ئايتولۇن، ئايسېلىگ، ئايتېمىش، ئارچىن خېنىملارنى، ئاشانبۇقا باشلىق ئۆي خىزمەتچىلىرىنى كۆردى ۋە ئاتتىن چۈشتى. ئۇلار بۇغرا قاراخاننى قارىشى ئېلىش بىلەن بىللە ئالىپ بەگتۆمۈرنىڭ قانلىق جەسەتلىنىمۇ تاپشۇرۇۋېلىشقا چىقىشقانىدى. رەيھاندىن ئۇلارنى ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ يىغلىماسلىققا دەۋەت قىلىپ قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇ مەنسۇر ئېلىكخان ۋەزىر - ۋوزىرلىرى، ھاجىپلار بىلەن تۇرغان يەرگە كەلدى. بۇ يەردە ئادامتۇغرۇلمۇ بار ئىدى. ئىككى دوست قول ئېلىشىپ تىنچلىق سوراشتى. باتۇرلۇقنىڭ بەلگىسى بولغان قۇتاز قۇيرۇقى قادالغان ئەلەمنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆدەنمىش يولنىڭ ئو تەرىپىدە تىزىلىپ سەپراس بولغان باھادىر يىگىتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى. ھەممىنىڭ كۆزى يولدا بولۇپ، بۇغرا قاراخاننى ئىنتىزارلىق ئېلكىدە كۈتۈۋاتاتتى.
كۈن بارغانسېرى كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، پاختىدەك بۇلۇتلار ئاسمان بوشلۇقىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئاق تون كىيگەن مۇلازىم ئالتۇن ساپلىق ھاۋا رەڭ سايىۋەننى مەنسۇر ئېلىكخاننىڭ بېشىغا تۇتۇپ تۇراتتى. ھەممە تاقەتسىزلىنىپ يولغا قارايتتى.
كۈن تىكلىشەي دېگەندە، ئېتنى قويۇندەك چاپتۇرۇپ كەلگەن چاپارمەن:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك قەدىمى يېقىنلاشتى! — دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
قاپقى سېلىنغان مەنسۇر ئېلىكخان بېشىنى كۆتۈردى:
— شادىيانە چېلىنىپ، پايانداز سېلىنسۇن!
يەتتە چاقىرىم يولغا قىزىل پايانداز سېلىندى. بالاساغۇننىڭ يەتتە دەرۋازىسى ئۈستىدىكى گۈمبەزلىك، كاشىلىرى يارقىراپ
تۇرغان پەشتاقلاردا ئوزۇن كانايلار تەڭلا چېلىنىپ، نەققارە - سۇنايلارنىڭ ياڭراق ئاۋازى پەلەكنى قۇچتى.
قونچۇق ئۆتۈك كىيگەن رەيھاندىن پۇتلەرنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، بويۇن سوزۇپ قارىشىدى، يىراقتىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق چاڭ - توزاننى كۆردى. توزان بارا - بارا يېقىنلاپ، سوزۇلۇپ، ئارىسىدىن ئۈچ دۇرباشى①: «يول بوشىتىڭلار، يول ئېچىڭلار، خاقان كەلمەكتە!» دەپ چۇقان سېلىپ چىقىپ كەلدى. كەينىدە ھال رەڭ تۇغ كۆتۈرگەن توققۇز تۇغچى بار ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدە ئالتۇن ساپلىق توبۇز (گۈرزە) كۆتۈرگەن توقسان توققۇز جاندار② ئاتلىق كېلىۋاتاتتى. كەينىدىنلا ئۈچ قىزىل جەدە قوشۇلغان ئۈستى ئوچۇق ئېگىز خاقان ھارۋىسىدا مەغرۇر ئولتۇرغان بۇغرا قاراخان ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغخانخان كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۈرلۈك رەڭدىكى ئاتلارنى مىنگەن سۇباشى، ئەمىر، ئەسكىرىي قازى، مۇنەججىم، پالچى، ئەپسۇنچى، تېۋىپ، قىزىقچى قاتارلىق خاقاننىڭ يېقىنلىرى بار ئىدى.
ئۇلارنىڭ كەينىدىن جان تەقدىم قىلغان ئالىپلارنىڭ جەسەتلىرى سېلىنغان ھارۋىلار كېلىۋاتاتتى. ئىككى ئات قوشۇلغان بۇ ھارۋىلارغا، ئاق، قارا شەددە - تۇغلار قادىلىپ، ئۈستى مەجنۇنتاللار بىلەن يېپىلغانىدى. ھارۋىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاق تونلۇق قارىيلار سۈرە «ياسىن»نى قىرائەت قىلىپ ماڭماقتا. بۇلارنىڭ كەينىدىن ھايات ئالىپلار قىلىچلىرىنى ئېگەرنىڭ قوش بېشى ئۈستىگە تىكلەپ، «ئاللاھۇئەكبەر!» دەپ تەكبىر ئېيتىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ نەيزىلىرىنىڭ ئۇچىغا باتۇرلۇق، نۇسرەت بەلگىسى بولغان قۇتاز قۇيرۇقى چىگىپ قويۇلغانىدى.
ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىنچىكە تاللاپ، تەربىيەلەپ
① دۇرباشى — بۇغرا قاراخاننىڭ ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭغۇچى. ② بۇغرا قاراخاننىڭ خاس مۇھاپىزەتچىلىرى.
يېتىشتۈرۈلگەن چاپاۋۇل قىسىم ئۆمۈت، گۈرزىلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.
بۇلارنىڭ كەينىدىن ئاق قاشقا، قارا بويۇن تورۇقلارغا مىنگەن ئىككى تۈمەن قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر مەرگەنلىرى، قاراگىزلارغا مىنگەن ئىككى تۈمەن قىلىچۋازلىرى، بوز ئاتقا مىنگەن بىر تۈمەن توبۇزچىلىرى، چىپار ئاتلار قوشۇلغان ئېگىز ھارۋىلىق چەۋەندازلىرى… ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن سەپ تارتىپ كېلىشىۋاتاتتى.
ئۇلاردىن كېيىنلا ئەسىر چۈشكەن قىتان سۇباشلىرى، چېرىكلىرى قوللىرى بىر - بىرىگە چېتىپ باغلانغان ھالدا دۆشكەپ كېلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ روھى چۈشكەن بولۇپ، باشلىرى سېلىقلىق ئىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ كۆتۈرۈۋالغان ياساۋۇللار دۈشمەنگە ئەل بولۇپ، كېيىن قولغا چۈشكەن ئۈچ ئاسىينى، جەڭگاھتىن قاچقان توققۇز قاچقۇننى يايان، يالاڭباش، قوللىرى باغلانغان، بويۇنلىرىغا تاقاق سېلىنغان ھالدا، ئىتتىرىپ، قامچىلاپ ھەيدەپ كېلىشىۋاتاتتى. ئاسىي، قاچقۇنلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەلگەن بولۇپ، ئاران - ئاران دەسسەپ ماڭاتتى.
مەنسۇر ئېلىكخان كۈمۈش ناللىق ئۆتۈك سىقىپ تۇرغان پۇتلىرىنى يەرگە قويۇش بىلەن تەڭ، ھەممەيلەن ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە بولۇشتى. ئۇ پايانداز ئۈستىدە مېڭىپ ئەھمەد توغانخانغا ئۈچ قەدەم قالغاندا تىزلىنىپ، يەرگە باش قويۇپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇغرا قاراخان غازى ئاكا. يېڭى ئېرىشكەن نۇسرەت قازىنىپ يانغانلىقلىرىنى مۇبارەكلەپ ئاياغلىرىغا باش قويىمەن!
بارلىق دۆلەت ئەركانلىرىمۇ يەرگە باش تەگكۈزۈپ سالام بېجا كەلتۈرۈشتى:
— ئەمىرۇل مۆمىنىن (مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى) بۇغرا قاراخان
ئالىيلىرى، شانو زەپەر قۇچۇپ كەلگەنلىرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھتىن ھەزرەتلىرىگە ئامانلىق تىلەيمىز!
— جانابىي ئاللاھ مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ غەلىبە قىلدۇردى، ئىنىم. سىز بىلەن، دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن، قوزغۇلۇشچى قېرىنداشلىرىم بىلەن دىدار كۆرۈشتۈرگەن پەرۋەردىگار ئالەمدىن ناھايىتى مىننەتدارمەن، — ئاشۇ سۆزدىن توختاپ، قول باغلاپ تۇرۇشقان ئۆزۈر، ئۆمەر، ھاجىپلارغا، ھەر قايسى قەبىلە مۆتىۋەرلىرىگە سەپ سېلىۋېتىپ، كۆزى رەيھاندىنغا چۈشكەندە، چىرايىدىكى تەبەسسۇم ئۆچۈپ، قايغۇ نامايان بولدى، — ئوغلىڭىز باھادىرلارچە جان تەقدىم قىلدى، ھاجىپ. ئۇنىڭ جەڭگاھلاردىكى باتۇرلۇقلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈكچىگە پۈتكۈزۈپ قويدۇم. شۇنداق ئالىپ ئوغۇلنىڭ ئاتىسى بولغىنىڭىز ئۈچۈن قانچە پەخىرلەنسىڭىز ئەرزىيدۇ، قايغۇرماڭ!
— قۇللۇق، ئالىيلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ سالامەت قايتىپ كېلىشى — ئېلىمىزنىڭ تىلىكىدۇردۇر. ئوغلومنىڭ باقىيغا كېتىشى — جان پىدالىقتىندۇر، — رەيھاندىن بېشىنى تۆۋەن ئەگدى.
— تىلەك بولۇپ، جان پىدالىق بولمىسا نۇسرەت قازانغىلى بولمايدۇ، ھاجىپ. پىداكار ئوغلىڭىز ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولۇشقا مۇناسىپ.
— ئاللاھتىن مىننەتدارمەن ئالىيلىرى.
ئەھمەد تۇغانخان ئىنىسىغا:
— ئاتلىنىڭ! — دېدى ۋە ئۆزىمۇ ئېتىغا مىندى. ئۇ بەستلىك، بېشى يوغاندەك، ئات يۈزلۈك ئادەم ئىدى، چار ساقىلى كۆكسىگە يېيىلىپ تۇراتتى، قارىچۇقى كۆزلىرى بىر قاراشتا كىشىنى ئەيمەندۈرەتتى، كېسىلگەن دۆڭبېغى — ساۋۇتى ئۇنى تېخىمۇ سۈرلۈك قىلىۋەتكەنىدى. تۇغانخان ئىككى يانغا قاراپ ئالتۇن ساپلىق قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاۋامغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ماڭدى.
— بۈيۈك بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ
كەلگەنلىكىنى مۇبارەكلەيمىز! — ئەمرۇل مۆئمىنىن بۇغرا قاراخان ئالىپلىرىنى ئاللا ئامان قىلغاي! — ئۇلۇغ خاقانىمىزغا شان - شەرەپلەر بولسۇن! چىنار، قېيىن دەرەخلىرى سايە سالغان يولنىڭ ئىككى قاسىتىدىكى ياساۋۇل - نۆكەرلەرنىڭ، ئاۋامنىڭ ساداسى پەلەككە يەتتى. رەيھاندىن بۇغرا قاراخان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەينىدىلا يېتىپ كەلگەن ھارۋىلارغا قاراپ ماڭدى، ئېشەك ئالدىدا كېتىۋاتقان ھارۋىغا ئوغلى بەگتۈرمىشنىڭ جەسىتى قويۇلۇپ، ئاق يوپۇق يېپىلغانىدى. ئۇ تونىدى، ئېتىنى بويانقارغا بېرىپ، ئۆزى ھارۋىنىڭ يېنىدا باش سېلىپ ماڭدى. ئالىپلارنىڭ قاتارىدا كېلىۋاتقان بوزاغۇ يوقىرى تەبىقىدىكىلەر ئارىسىدىكى كۈمۈش ئېگەرلىك ئوسسۇزلۇق سۇنۇپ تۇرغان ئېسىلزادە خېنىملارنى كۆرگەندە، ئاتنى بۇراپ، قارا قاش، ئاققۇچ يۈز ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئۇ: — ئەي، سەۋىنچلىك پەرى، ئالىپلار ئىچىدىكى رۇستەمگە ئوسسۇزلۇق بەرمەكچى كېلىمىدۇ؟ — دەپ سورىدى. — ئۆزىنى رۇستەم سانىغان ئالىپ قىزدىن سۇ سوراپ كەلمەيدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى قىز ھال رەڭ يىپەك رومىلى بىلەن يۈزىنى توسۇپ. — ئوھۇ قۇنچۇي①، ئالىپ ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىۋاتامسىز تېخى؟ سىز قانچىلىك ئۆز، كۆرۈپ باقاي، — ئۇ قىلىچىنىڭ ئۇچى بىلەن قىزنىڭ رومىلىنى قايرىماقچى بولدى. — بوزاغۇ، تارت قولۇڭنى! — نېمە دەيسەن؟ — ساقال باسقان يۈزى قارىداپ، كۆزلىرىگە
① قۇنچۇي — مەلىكە.
قان قويۇلغان بوزاغو يانتۇ قاراپ، غەزەپ ئاچچىقىدىن ئېلىشىشقا تەييار تۇرغان تەمبەل يىگىتنى كۆردى. — ئۆدمىش! سەن بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ — بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا چىققانىدىم. قايتىپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ قالدىم، خۇنپەي. سەن ھەقىقىي ئالىپ ئەمەس ئىكەنسەن، بۇ يەردىن دەرھال كەت! — ئالجاما! بۇ يەردىن كېتىدىغان مەن ئەمەس، سەن! بوزاغو قىلىچىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئۆدمىش ئومۇت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۇنىڭ قىلىچىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى. — توختاش! — ئاچچىقلانغان بەگتۆمۈر ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىردى، — سەن بوزاغو، مەن ئالىپ دەپ ئۆكتەملىك قىلماقچى بولۇۋاتامسەن ياكى مەن يوغروش① نىڭ ئوغلى، دەپ چوڭچىلىق قىلىۋاتامسەن؟ خاقان قولۇڭدىكى قىلىچنى ياۋنى چاپ، دەپ تۇتقۇزغان. ئۇنى ئۆز قېرىندىشىڭغا تەڭلەۋاتامسەن! سەندە ئەقىل بارمۇ؟ قارا، قايسى ئالىپ كىشىلەردىن سۇ سوراپ ئىچىۋاتىدۇ، ھېچقايسىسى! كىشىلەر ئۆزلىرى سۇنۇپ بېرىۋاتامدۇ؟ كۆرۈۋاتامسەن؟ ماڭ، كەت، بولمىسا ئاتتىن ئېغىتىپ تاشلايمەن! بوزاغو، شۇنداق قاراپ چار ساقال، غەزەپلىك بوۋاينى كۆرۈپ ھودۇقتى. ئۇ ئەمدى كەتكەن كۆپچىلىك ئالدىدا يۈزى تۆكۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئېتىنى بۇراپ قامچا ئۇردى. «خەپ توختاپتۇر ئۆدمىش، ئالايغان كۆزلىرىڭنى ئويۇۋالمىسام…» دەپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى سېلىنغان ھارۋىلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ئۆدمىش ئات مىنگەن بەگتۆمۈر ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە ئىتتىك ئۆيگە قايتىشتى. ئەلنىڭ ئاخىرىدا يېتىپ كەلگەن ئاسى، قاچقۇنلارنى كۆرۈپ
① يوغروش — ۋەزىر.
غەزەپلەنگەن خالايىق قوزغىلىپ كەتتى. بەزىلەر قوللىرىنى شىلتەپ تۈكۈرۈپ، بەزىلەر تاش ئېتىپ لەنەت قىلىشتى، «چالما - كېسەك قىلىش كېرەك!» دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى.
4
«ئەجەب كېچىكىشتىغۇ؟ ھاجىپ ئانىلار غېرىب قالمىسۇن، دەپ بالىلارنىڭ، يا خىزمەتكارلارنىڭ بىرەرسىنىمۇ ئەۋەتمەپ قويىمدى. يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇرىدۇ، تېزرەك كېلىشسە بولاتتى» شۇلارنى ئويلاپ چاكىرى بىلەن ھويلىغا چىققان يابغۇ شەرق تىن تۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان قارا بۇلۇتلارغا كۆز سالدى. دەم ئۆتمەي، گۈلدۈرمامىنىڭ ھەيۋەتلىك ساداسى بىلەن تەڭ، بالاساغۇن كۆكىدە چاقماق چاقىلدى. يامغۇر تارا سلاپ يېغىشقا باشلىدى. ئۇ «ئاھ، خۇدا، ئۇلار يامغۇردا قالدىغۇ، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟» دەپ ئۆيگە قېچىپ كىردى.
— ئەنسىرىمىسە خېنىم، ئۇلار كاتتا مەركىگە كەتكەن تۇرسا، قانداقمۇ بالدۇر كېلەلىسۇن. ئاڭلىشىمچە، بۇ مەرىكە يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدىكەن، — دېدى جايناماز ئۈستىدە تەسبىھ سىرىپ ئولتۇرغان بودراچ ئانا ۋە قوشۇپ قويدى، — كېلىپ قالار، ئەنسىرىمىسە خېنىم.
ئۇ ئاشۇ كۈنى ئوغلى بەگتۈرمىشنىڭ ئاغرىپ كەتكەن جەسەتنى كۆرۈپلا ھوشىدىن كەتكەنىدى. ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن رەيھاننىڭمۇ ئۇزاق چۈشەندۈرۈشى، تاپىلىشى بىلەن يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ ئازا ئاچمىدى. نەچچە مىڭ ئادەم بىلەن ئېلىپ ئوغلىنى يەرلىككە قويغان كۈنى، ئېرى بىلەن بىللە قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ، ئاشانبۇقا، بودراچ موماي ۋە ئۇلارنىڭ يالغۇز پەرىزەنتى بويانقارنى قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە چىقاردى. بوۋاي بىلەن موماي ئالەمچە خۇشال بولۇپ، ئۆمۈرۋايەت بۇ ئائىلىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەتكۈسىز ئۈنسىمدى.
بويانقارمۇ رەيھاندىننى ئۇستاز تۇتۇپ، بىر ئۆمۈر خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەسەم ئىچىپ تۇرۇۋالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇلار بەگتۆمۈر جەمەتىنىڭ ھۆر خىزمەتچىلىرى بولۇپ قالدى.
يابرا شۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆگرىنى كېسىپ تەييار قىلدى. بودراچ موماي پولو دۈملىدى.
يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى. بودراچ موماي قەندىللەردىكى شامنى يېقىۋەتتى. نامازشامنى ئۆتەپ دۇئا قىلىپ تۇرۇشىغا رەيھاندىن ئاتا - ئانىسى، قىزلىرى، خىزمەتكارلىرى بىلەن ھويلىغا كىرىپ كەلدى.
يابرا قېيىنئاتىسى بىلەن ئېرىنىڭ، بودراچ موماي ئاشانبۇقا بىلەن بويانقارنىڭ تونلىرىنى سالدۇرۇپ، قوللىرىغا سۇ قويۇپ بەردى، ئايۋاندا ئولتۇرغۇزۇپ داستىخان سالدى. ئايتولۇن ھەممىدىن بەكرەك خۇشال كۆرۈنەتتى، قارا كۆزلىرىدىن سۆيگۈ ئۇچقۇنى چاچراپ تۇراتتى. سىڭىللىرىمۇ خۇشلۇقىدىن تېرىلىرىگە پاتماي قېلىشقانىدى. بەگتۆمۈر، زەمبىرەن ئانا روھلىنىپ قېلىشقانىدى.
يابرا ئۆگرىنى ئۆزى ئۈستى، لېگەنلەرگە ئۈسۈلگەن پولونى دېدەكلەرگە كۆتۈرتۈپ داستىخانغا ئېلىپ چىقتى. تاماق يېيىلىپ، داستىخان يىغىلغاندا خۇپتەنلىك ئەزان چىقتى. بەگتۆمۈر دۇئادىن كېيىن ياخشى تىلەكلىنى بىلدۈردى:
— بالىلىرىم، ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈم ئىبرەت، تىرىكلىك سىناق. بىر كۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش — قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشنى ئەتەگە قالدۇرماي قىلىۋېتىش دېگەنلىكتۇر. بىر كۈننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش — كۆكسى - قارنىنى كەڭ تۇتۇش دېمەكتۇر. بۈگۈنكى كۈن — پۈتۈن ئەل بويىچە ناھايىتى ياخشى ئۆتكەن كۈن بولدى. بۇ كۈننى قەدىرلەيلى، ئەل غېمىنى يەپ، ئەل ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ، ئەبەدىي مۇشۇنداق قۇتلۇق
كۈنگە مۇيەسسەر بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن. — ئاللا بىزنى ياخشى تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزسۇن، ئاتا، — دېدى رەيھاندىن ئايۋان سۇپىسىغا جايناماز سېلىپ. نامازدىن كېيىن ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە تارقىلىشتى. يابران كېيىندىنلا ئۆيگە كىرگەن ئېرىگە ئۆرۈلۈپ قاراپ: — ھاجىپ، بۈگۈن ئوغۇللارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشىماملا، ئەجەب خوشال بولۇپ، تېرىلىرىڭگە سىغماي قاپسىغۇ؟ — دېدى مەيدىسىگە چۈشۈپ قالغان بىر ئۆرۈم چېچىنى ئارقىسىغا تاشلاپ. — يوقسۇ، ئوغلىمنى ئۇنتۇغىنىم يوق، بۈگۈن ئۇنى كۆپ سېغىندىم، ئوغلىمنى ئەسلىتىدىغان، كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولدى. سېنى ئۇنتۇمىغىنىمىزغا قويماي ئېلىپ بارمىغىنىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم. بارغان بولسىڭىز مىسكىن كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالاتتى، ئارتۇقچە غەم — غۇسسىدىن قۇتۇلغان بولاتتىڭىز، — رەيھاندىن ئورۇن سېلىۋاتقان خوتۇنىغا مەستلىكى كەلگەندەك قاراپ ئولتۇردى. يابراننىڭ ئۆزۈن ئىككى ئۆرۈم چېچى ئېگىشكەندە، رۇسلانغاندا يىلاندەك تولغىنىپ — كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ساغرىسىغا ئۇرۇلاتتى. — ئەزىزىم، بۈگۈن بۇغرا قاراخان ئاشۇ كاتتا مەرىكىدە ئوغلىمىز بەگتۈرمىشقا «ئالىپ سانغۇن» ئۇنۋانىنى بېرىپ كەدوت تەقدىم قىلدى. چۇ دەرياسى بويىدىن بىر پارچە يەرنى سۇيۇرغال قىلىپ بەردى، ئوغلوم ئورنىدا قوبۇل قىلدىم، — دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى رەيھاندىن خوتۇنىنى قولىدىن تارتىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، — يېقىننى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاغىچى ئۇلۇغى ① قىلىپ يارلىق چۈشۈردى. مېنى خوشال قىلغىنى خاقاننىڭ ئىنئاملىرىلا ئەمەس، بەلكى ئاۋامنىڭ جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ بىر — بىرىگە ھەمدەم، يار — يۆلەك بولۇش
① ئاغىچى ئۇلۇغى — خەزىنە باشقۇرغۇچى ئوردا بېگى.
ئىرادىسىنىڭ نامايان قىلىنىشى بولدى. مەن بۇنداق ئىرادە بىلەن روھنى ئوغلۇمنىڭ جەسىتى ئېلىپ كېلىنگەن كۈنى، دەپنە قىلىنغان كۈنى ئاۋامنىڭ جىنازىنى تالىشىپ كۆتۈرگەنلىكىدىن، سەمىمىي تىلەك - ئارزۇلىرىدىن ھېس قىلغان بولسام، بۈگۈن ئالىپلارنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىدىن، ئۆتەنسۈيەر روھىدىن، بۇغرا قاراخانغا بولغان ساداقىتىدىن كۆردۈم. ئاۋام مېنىمۇ باشلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋالدى. بىر ئوغلۇمدىن ئايرىلغانىدەم، مىڭلىغان ئوغلۇنغا ئاتا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئانىسى، بۇلارلا ئەمەس، ئات بەيگىسىدە ئۆدەنمىش بىرىنچى بولدى، ئوغلاق تارتىشتىمۇ ھېچكىمنى ئۆزىگە يەتكۈزمىدى. چېلىشىشتا ياشلار ئىچىدە بويانقارغا، ياشانغانلار ئىچىدە ئاشانبۇقاغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمىدى. نەيزىۋازلىق، قىلىچۋازلىقتا چۆگلەر ئىچىدە ئادامتۇغرۇل، ياشلار ئىچىدە يەنە ئۆدەنمىش بىرىنچى بولدى. ئومۇت، توبۇز ئۇرۇشتا ياشلاردىن بوزاغو، ياشانغانلاردىن دوقاقبەگ بىرىنچى بولدى. سورۇن ئەھلى ئۇلارغا بارىكاللا ئېيتتى. بۇغرا قاراخان ئۇلارغا تون كىيدۈرۈپ ئات مىندۈردى. چېلىشىشتا بىرىنچى بولغان ئاشانبۇقا بىلەن بويانقارغا بىر لىگەنلىكتىن، ئات چېپىش، ئوغلاق تارتىش، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىقتا بىرىنچى بولغان ئۆدەنمىشقا ئىككى ھېجىر، بەگتۆمۈرگە بىر ھېجىر، ئومۇت، توبۇز ئۇرۇشتا بىرىنچى بولغان بوزاغوغا بىر ھېجىر، دوقاقبەگكە بىر ھېجىر تىللا تارتۇق قىلىنغاندا، ئالقىش ساداسى مەيداننى لەرزىگە كەلتۈردى. مەنمۇ ئو پالۋان - چەۋەندازلارغا بىردىن ئات مىندۈرۈپ، تىللا كەمەر باغلاپ قويدۇم.
- ھە، بايا ئالتۇن تۈگمىلىك مەخمەل تون كىيىپ، تىللا كەمەر باغلاپ كەلگەن ئاشانبۇقا بىلەن بويانقارغا قاراپ قالغانىدىم، ئەسلى گەپ مۇنداق ئىكەن - دە، - دېدى يابسۇ.
- «ئادەمگە ئامەت كەلسە قوشلاپ كېپتۇ» دېگەن شۇ، ئەزىزىم. ھەممىدىن قىزىق بولغىنى يۈزلىگەن قىزلارنىڭ ئۇلارغا
55
ياغلىق تاشلىغىنى بولدى. — قىزلىرىمىزمۇ تاشلىغاندۇ؟ — ئايتولۇن تاشلىدى. — كىمگە، ئانىسى؟ — ئادامتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئالپ ئۆدەشكە. — ھېلىقى ئۆيىمىزگە تولا كېلىدىغان شاگىرتلىرىڭمۇ؟ — شۇنداق، ئەزىزىم. ياغلىقنى ئۆدەش ئالغۇچە، يۇغرۇش بولۇنبەگنىڭ ئوغلى قىلىچنىڭ ئۆچى بىلەن ئېلىپ قاچتى. — بوزاغو دېگەن ئالىپمۇ؟ — ئەپسۇسلانغاندەك بولۇپ سورىدى يابرا، — ئۆدەش قاراپ قالدىمۇ؟ — يوقسۇ، ئانىسى. ئۆدەش كەينىدىن ئات چاپتۇرۇپ يېتىۋالدى — دە، ئونىڭ قولىدىن ياغلىقنى تارتىۋالدى. «ياشاپ كەت يىگىت، ھەقىقىي ئالپ ئىكەنسەن، بەختىڭنى تارتىۋېلىپ قويمىدىڭ!» دەپ چۇقان سالغان سورۇن ئەھلى ئۆدەش ياغلىقنى قوينىغا سېلىپ، بۇغرا قاراخان بارگاھىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى چەۋەندازلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئورۇن ئالغۇچە تىنمىي ئالقىش ياغدۇرۇپ تۇردى. يابرانىڭ ھاياجىنى بېسىلىپ سورىدى: — قىزلار بويانغارغىمۇ ياغلىق تاشلىغاندۇ؟ — تاشلىماي قالاتتىمۇ ئەزىزىم، لېكىن كۆزۈم ئۆدەش بىلەن بوزاغودا بولۇپ قېلىپ كۆرەلمەي قالدىم. — يەنە قانداق قىزىق ئىشلار بولدى؟ — بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى جەڭگاھتىن قايتقان ئالىپلار، بەگدە ئۆتكەن پالۋانلار، چەۋەندازلار، پېشقەدەملەر، سەركەردىلەر، جامائەت ئەربابلىرى بىلەن داستىخاندا بىللە ئولتۇرۇپ غەلىبە شارابىنى ئىچتى. — سىلىمۇ ئىچكەنلا؟ رەيھاندىن خوتۇنىغا قاراپ كۈلدى: — مەنمۇ ئەمەس، ئاشانبۇقا بىلەن بويانغارمۇ ئىچتى. ئۇلارنى
قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنىمىز قۇتلۇق ئىش بولغانىكەن. ئەگەر ئۇلار ھۆر ئادەم بولمىغان بولسا بەيگىگە قاتنىشالمايتتى، ئۇلۇغ خاقان بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ غەلىبە شارابىنى ئىچىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
— ياخشى قىلغانىكىمىز، — يابغۇ سۆيۈنگەن ھالدا ئېرىگە ئالدىنى قىلدى، — يەنە نېمە ئىشلار بولدى؟
— ئەمىسە گېپىمنى بۆلمەي ئاڭلاڭ، — رەيھاندىن ئۇنىڭ شام يورۇقىدا ئىللىق قىزارغان يۈزىگە سەپ بېرىپ، مەڭزىنى سىلىدى، — تۆمەنلىگەن ئادەمىلەرگە ئاش تارتىلدى. قىتانلاردىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەل بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەر مۇبارەكلەندى، ئۇلار يېڭى ماكان — تۇرار جايلارغا خۇشال - خۇرام يۈرۈپ كېتىشتى. ئەسىر ئېلىنغان بىر تۆمەندىن ئارتۇق قىتان غالىب بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەرگە چاكار قىلىپ بېرىلدى. بىزنىڭ پالۋان ئاشان بۇقىغا ئىككى ئەسىر تەگدى. ئۇ قۇل ئىدى، ئەمدى قۇلدار بولدى. بۇ دۇنيادا ئەمەل، بايلىق ھېچكىمگە باقىي ئەمەس، تەقدىر — قىسمەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئانىسى.
— شۇنداق، بىرىمىز ئايرىلساق، بىرىمىز ئېرىشىدىكەنمىز، بۇ جاھان ئاجايىپ جاھان ئىكەن.
— مېنى خۇش قىلغان يەنە بىر ئىش شۇكى، — دېدى رەيھاندىن ھاياجانلىنىپ، — ساتقۇنلار چالما - كېسەك قىلىندى. ئاتا - ئانىلىرى، يارۇدوستلىرىمۇ ئۇلارنى لەنەتلەپ چالما، تاش ئاتتى. ئۇلارنىڭ نىجىس تەنلىرى بىر دۆۋە تاش - كېسەك ئاستىدا قالدى. قاچقۇنلار دارغا ئېسىلدى، ئۇلارغا ھېچكىم ئىچ ئاغرىتمىدى.
— ئاسىيلارغا كىممۇ ئىچ ئاغرىتاتتى. ئۇلار ئاتا - ئانىلىرىنى، يۇرتداشلىرىنى ئىچ ئاغرىتماي سېتىۋەتكەن تۇرسا، — گەپ قىستۇردى يابغۇ، — ساتقۇنلارنى جادۇ بىلەن توغراپ قىيما - چىيما قىلىۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.
— شۇنداق، ئەزىزىم، بىر ساتقۇن بىر ئادەمگىلا ئەمەس، مىڭلىغان ئادەمگە، ھەتتا پۈتۈن ئەلگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئۇلارغا رەھىم قىلغانلىق ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بىلەن باراۋەر. بۈگۈن پۈتۈن سورۇن ئەھلى «ساتقۇنلارنى تاش-بوران قىلىپ ئۆلتۈرەيلى!»، «ساتقۇنلار ئادەم ئەمەس، ھاياتلىقنى نابۇت قىلغۇچى مەخلۇق!»، «قاچقۇنلارغا ئارىمىزدا ئورۇن يوق!»، «ياشاسۇن ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان!» دەپ يۈرەك ساداسىنى پەلەككە يەتكۈزەتتى. ئوغلىمىزنىڭ روھىمۇ بۇ كاتتا مەرىكىنى كۆردى، ئاتامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئانىسى.
— ئېيتسىلا ئاتىسى، ئوغلىمىز نېمىنى خالايىدۇ؟ — بىللە چىقمىغىنىغا پۇشايمان قىلغان يابرا ئېرىگە تەرەپكە ئېگىلىپ باقتى.
— سىزنىڭ مەيۈسلەنمەي خۇشال يۈرۈشىڭىزنى، بالىلار بىلەن بىر داستىخاندا ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرۇشىڭىزنى، يەنە… — رەيھاندىن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى قىلماي رەپىقىسىنى باغرىغا بېسىپ بېشىنى سىلىدى.
— يەنە نېمىنى، دېمەيلا ھاجىپ؟ — دېدى يابرا ئېرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ. ئۇ ناھايىتى سۆيۈنگەن چاغلىرىدا ياكى ئاچچىقلانغان، خىيالانغان چاغلىرىدا رەيھاندىننى ھاجىپ دەپ ئاتايتتى. ئادەتتىكى چاغلاردا «ئاتىسى» دەپ قىچقىراتتى.
— يەنە… — رەيھاندىن خوتۇنىنىڭ ئىككىسىنى يۆلەپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىدى، — يەنە ئەزىزىم، سىزنىڭ ئۆزدەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىشىڭىزنى خالايىدۇ.
يابرا ئۈن چىقماي يىتۋالدى…
ھەپتە ئۆتتى، ئاي ئۆتتى. ئاغچى ئۆلۈگى بولغان رەيھاندىن بوزۇپ-چېچىۋەتمەي دۆلەت خەزىنىسىنى كۆپەيتىشنى، شۇنىڭ بىلەن ئەلنىڭ سېلىقنى يېنىكلىتىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى بىلىپ، ھېسابات ئىشلىرىنى ئېنىقلىق، تەرتىپلىك باشقۇردى. ئارسلانخان، ئېلىكخانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى،
ۋەزىر، ئەمىرلەر بۇغرا قاراخاننىڭ بەلگىلىمىسىدىن سىرت بىر تىيىنمۇ ئوشۇق چىقىم قىلالمايدىغان بولدى. باش ۋەزىر بولۇنبەگ بۇنىڭدىن تولىمۇ نارازى ئىدى. جەڭگاھتىن ھايات كەلگەن ئوغلى ئالىپ بوزاغۇنى بۇغرا قاراخانغا تولا ماختاپ خاس نۆكەرلىككە قوبۇل قىلدۇرغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ خورىكى ئۆسۈپ قالغانىدى. بۇ يېڭى ئاغچى ئۆلۈگىنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىك ھالدا بىرەر ئىشتا كەتكۈزۈپ قويۇشىنى شۇنچە تىلەيتتى. لېكىن، رەيھاندىن قىلچە يوقۇق قالدۇرماي جان كۆيەرلىك، خالىسلىق بىلەن خىزمىتىنى ئادا قىلىپ، كۈنسېرى قاراخاننىڭ ئىشىنىچىگە ئېرىشىۋاتاتتى. بولۇنبەگ لېۋىنى چىشلەپ قېلىۋەردى. رەيھاننىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن خىيالىغا كەلتۈرمىگەن چارە - تەدبىر، ھىيلە - مىكىر قالمىدى.
بىر كۈنى، ئۇ خوتۇندىن ئوغلىنىڭ رەيھاننىڭ چوك قىزىغا مەيلى بارلىقىنى ئۇقۇپ، قۇلىقى قېلىرى ئېچىلىپ كەتتى. قىزىنى سوراپ رەيھاننىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزمەكچى بولدى. ئۇنىڭغا ئەتكەن - ئاخشاملىرى پەيت تېپىپ يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى.
بولۇنبەگنىڭ نىيىتىدىن خەۋەرسىز بولغان رەيھاننىڭ كۆڭلىدە ئۆدمىشىنى كۆيۈئوغۇل قىلىۋالغۇسى بار ئىدى. ئەمما، نېمە ئۈچۈندۇر بۇرادىرى ئادامتۇغرۇل ئېغىز ئاچمايۋاتاتتى. ئۇ بۈگۈن ئوردىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، بۇ توغرۇلۇق خىيال سۈرۈپ قالدى: «ئادامتۇغرۇلنىڭ ئوغلىغا باشقا بىراۋنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەركۈسى بارمىدۇ ياكى ئۆدمىشنىڭ باشقا بىر قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ نېمىشقا ئېغىز ئاچمايدىكىنە. ئايتۇلۇنغا كۆز تىككەنلەر ئاز ئەمەس…»
رەيھان ئۆيىگە كېلىپ، خوتۇنىنىڭ ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىگە قارىغاندا ناھايىتى خۇشخۇيلىشىپ كەتكىنىدىن
ھەيران قالدى. تاماق ۋاقتىدىمۇ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىرمىگەنلىكى، قىزلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرغاندىمۇ يابىرانىڭ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ - يېيىلىپ، ھەممىلا نى خورۇسەن قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى. يابىرا خېلى كۈنلەردىن بېرى خۇشخۇي يۈرىدىغان، ئوغلىنىڭ ئىشقى - پىراقىدا مەيۈسلىنىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈن بولسا بەكمۇ خۇش ئىدى.
— ئاغىچى ئۇلۇغى ھەزرەتلىرى، ئەمرلىرى ئۆسكەنسېرى كىمىنى مەزلۇملىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدىلىغۇ؟ ئەتىگەن كېتىپ، كەچ كېلىلا، ھالىڭ نېمە، دەپ سوراپمۇ قويمايلا، — دېدى ئۇ ياتاق ئۆيگە كىرگەن ئېرىگە ھەزل قىلىپ.
— قۇنچۇي ئالىيلىرى، پېقىر مۇلازىملىرىنى كەچۈرسىلە. ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق خاپا بولۇپ كېتىشلىرىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەي، ئەل ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن. قانداق جازا بەرسىلە ماڭا ھەق، — دېدى ئېگىلگەن رەيھاندىنمۇ ھەزل بىلەن جاۋاب بېرىپ.
— جازا ئەمەس، مۇكاپات بېرىمەن.
— تونۇمۇ، ئاتمۇ؟
— ئىككىلىسى ئەمەس.
— ھەدىيە قىلىدىغانلىرى تىللا ئىكەن — دە.
— ياق.
— ئەمسە، ئۇ نېمە مەلىكەم؟
— كۆك بۆرە.
— نېمە؟
— ئوغۇل پەرەزەنت.
— ئېغىر ئاياغ بوپسىز — دە، ئەزىزىم، ئاخىرى تىلىكىم ئىجابەت بولۇپتۇ، — رەيھاندىن خۇشاللىقىدا يابىرانى
كۆتۈرگىنىچە ئۆينى ئۈچ قېتىم ئايلاندۇردى، — ئوغۇل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز ئەزىزىم؟ — ئاۋۇ كۈنى كۆرگەن چۈشۈمدە بېشارەت بولغان ئەمەسمۇ؟ — ھە، ئېسىمگە كەلدى. مەن تەبىر بەرمىگەنىدىم. ئۇلۇغ شەپقەتلىك ئاللا ئامان — ئېسەن يېنىگىلى نېسىپ قىلسۇن… مانا شۇ ئاخشامدىن باشلاپ، رەيھاندىن بۆلەكچە جانلىنىپ قالدى. خوتۇنى ئالىمغا سېپىزىك بولغاچقا، ھەر كۈنى ئالما كۆتۈرۈپ كېلىدىغان بولدى. تەقەززالىق بىلەن كۆتكەن كۈنمۇ ئاخىر يېتىپ كەلدى. يابرانى گۈزەل ياز سەھىرىدە ئاچچىق تولغاق تۇتتى. تولغاقنىڭ قاتتىقلىقىدىن چۈشكىچە نەچچە قېتىم ھوشىدىن كەتتى. زەمىران ئانا بالاساغۇندا نامى بار تۇغۇت ئانىسى زەينەپ ئانا، بۈدراچ موماي بىلەن كېلىننىڭ بېشىدا پايپېتەك بولۇشۇپ كەتتى. تولغاق ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلدى: ئوت قالاپ، سۇ قايناتتى، بېشىدىن نان ئۆرۈدى، يېڭى كىيىم — كېچەكلىرىنى ساھىلغا بەردى. رەيھاننىمۇ ئورنىغا بېرىپ، شۇ كۈنكى خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ تېزلا يېنىپ كەلدى. ئىككى ياشلىق قوچقارنى سويۇپ خامتالاش قىلىپ غېرىبلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ياتاق ئۆيگە كىرىپ قۇرئان ئوقۇپ دېمىدە قىلدى. دېمىدىنى ئۈچ قېتىم ئۈچۈردى. يابرانىڭ ئاغرىقى بىرئاز پەسلەپ يەنە كۈچىيىپ كەتتى.
ياتار ھالسىز ئانا ئاپپاق تۆشەكتە، گۈل چىرايى گويا تامدەك تاتىرىپ. تولغاق تۇتۇپ سانجىپ بېگىز يۈرەككە، ئىڭراپ نالە قىلار تىنمائى ئاھ چىكىپ. گاهى چاچراپ تۇرۇپ كېتەر ئورنىدىن، قارا چېچى تېقىمىغا ئۇرۇلار.
گاھى كېتەر سەنتۈرۈلۈپ ھوشىدىن، كىشىگە ئۇ موردا كەبى تۇيۇلار.
شائىر تەسۋىرلىگەندەك چىدىغۇسىز ئازاب ئۇنى قاتتىق قىيناۋاتاتتى. بارا - بارا كېچە كىردى. — ئاھ، خۇدا، رەھىم قىلغىن، — دەپ نالە قىلدى يابىرا. تۈن ئۆتۈپ چولپان تۇغدى. تولغاق قاتتىق تۇتتى. رەيھاندىن ئۇنىڭ تۇغۇتىغا ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلماقتا ئىدى… بىر كىچىك جان دەھشەتلىك ئاغرىق ئازابىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ئانا باغرىدىن زېمىنغا تەۋەللۇت قىلىندى.
كىشنەيدۇ ئات، مەرەيدۇ قوي دالادا، باغدا شاپتۇل، ئالما — ئۆرۈك شىلدىرلار. ئۇچۇرلايدۇ قالغاچ قونۇپ ناۋا①غا، بىر جان ئانا ئاغزىدا تېپىرلار…
خوراز چىللاپ يەرگە چۈشتى قونداقتىن، قۇشلار نەغمە قىلدى تېرەك شېخىدا. شامال سوقۇپ بوي كەلدى گۈل - گىياھتىن، چىقار شۇدەم ئۆيدىن مۇڭلۇق بىر سادا.
ساپايىدىن كېلەر ئاۋاز قايغۇلۇق، ئۆتەر يولدىن كارۋان چېلىپ قوڭغۇراق. دەريا، ئۆستەڭ ئۆركەشلەيدۇ شاۋقۇنلۇق، لېكىن، ئۆينى قۇچقان زىل ئۈن بەك ياقىراق.
ھېچ ساداغا ئوخشىماس بىر چىرقىراق — ئاۋاز تولۇپ شۇ ياش ئانا ئۆيىگە:
① ناۋا — پېشايۋاننىڭ كۆڭۈرسىگە نەقىش چىقىرىپ ئورنىتىلغان ياغاچ.
«ئىگى…» دېگەن ھەم سېھىرلىك، ھەم ئوماق ئۈن قوشۇلدى گۈزەل كۆكلىم كۈيىگە… … ئاي كۈلدى، چولپان كۈلدى، يۇلتۇزلار كۈلدى، پۈتۈن ئالەم كۈلدى. ئورنىدىن چاچراپ تۇرغان رەيھاندىن يۈرەكنى ئېرىتىدىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرغان ئاشۇ ئۆيگە ئۆزىنى ئاتتى.
ئۈچىنچى باب: ئاتا ئۈمىدى
1
تۇغۇلغان بوۋاق ئوغۇل ئىدى كۈن دېسە كۈندىن ئوتلۇق كۆزى بار، ئاي دېسە ئايدەك نۇرلۇق يۈزى بار ئوغۇل ئىدى. زەمبىران ئانا بوۋاقنى ئاق يۆگەكتە زاكىلاپ، ھالسىزلىنىپ كەتكەن يابىراننىڭ يېنىدا ياتقۇزۇپ قويدى.
رەيھاندىن كىرگەندە، بوۋاق تىنچ، بەختىيار ئانا قارنىدىن ناتونۇش، ئەنسىز دۇنياغا كەلگىنىگە يېڭىرقاپ يىغلاۋاتاتتى، كۆزى يۇمۇق بولۇپ، چېھرىنى تۈرۈۋالغانىدى، مۇشۇ تۇرقى بىلەن ئاق ئەتىرگۈلنىڭ غۇنچە پۇرىكىگە ئوخشاپ قالغانىدى.
مۇبارەك بولسۇن ئانىسى! دېدى رەيھاندىن كۈلۈمسىرەپ ياتقان خوتۇنىغا ئىللىق نەزەر تاشلاپ.
قۇللۇق ئاتىسى.
ئاجىز، ئەمما يېقىملىق تونۇش ئۈننى ئاڭلىغان بوۋاق، كۈمۈشتەك كۆزلىرىنى پاللىدە ئېچىپ يەنە يۇمۇۋالدى. بۇ جاھان ئۇنىڭغا غەلىتە كۆرۈنگەن بولسا كېرەك، يەنە يىغلاپ ئىككى يېنىغا ئۆمەللەپ نېمىنىدۇر «ئىزدىگىلى» تۇردى.
زەمبىران ئانا ئانار شەربىتىدىن پىيالىگە بىر قوشۇق قويۇپ، سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاغزى بىلەن بوۋاققا ئىچۈردى. بوۋاق ئۇنىڭ لەۋلىرىنى ئېمىۋېتىپ ئۇخلاپ قالدى.
مانا، ئادەم دېگەن شۇنداق، كىچىكىدىن قورسىقى تويىسىلا تىنچىپ قالىدۇ، دېدى بودىراچ موماي مەنىلىك قىلىپ.
ئادەتلىرىمىز بىلەن ھاۋائانلىرىمىزمۇ يېيىش مەنئى قىلىنغان شېرىن مېۋىگە ئېغىز تەگكۈزۈپ قويۇپ جەننەتتىن قوغلانغان ئەمەسمۇ. بۇ نەۋرەممۇ ئۇلارنىڭ پۇشتى دە، بودراچ. قاراشقا شۇنداق چىرايلىق ياتقىنىنى، زەمۇران ئانا بودراچ موماينىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ گېپىنى داۋام قىلدى، ئىنساب ئىمانى بىلەن چوڭ بولغاي، ئىلاھىم. مەنمۇ توققۇز بالا تۇغقانىدىم، ھەممىسى ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ ئوبدان ياشاۋاتىدۇ. قورساق كۆتۈرمەك ئاسان، تۇغماق تەس، چوڭ بولماق ئاسان، چوڭ قىلماق تەس ئىكەن. نېمىلا دېگەنبىلەن بالا دېگەن تاتلىق، دۇنيادا بالا ئۈچۈن جاپا تارتمايدىغان ئادەم يوق.
رەيھاندىن ئىككى موماينىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغاچ، باشقا گەپ قىلماي قولىدىكى پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن ئوتۇغات①نى تەڭلىدى:
كىيدۈرۈپ قويسىلا، ئانا.
زەمۇران ئانا بېشىنى مامۇق ياستۇقتىن سەل كۆتۈرگەن كېلىنىگە ئوتۇغاتنى كىيدۈرۈپ قويدى.
خۇيمۇ ياراشتى، قىزىم.
رەھمەت ئاپا.
بىز لەرگىچۇ بالام، سۆيۈنچە بەرمەمسەن؟ زەمۇران ئانا مېھرىلىك نەزىرىنى ئوغلىغا تىكتى.
بەرمەمدىغان، رەيھاندىن سۇتۇق بۇغراخان نامى چۈشۈرۈلگەن ئۈچ تىللانى ئانىسىنىڭ ئالىقىنىغا قويدى. مۇسابايتاش نامى ئويۇلغان ئىككى كۈمۈش يامبۇنى زەينەپ ئانا بىلەن بودراچ موماينىڭ ئالدىغا قويدى.
ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلىشسىلا.
رەھمەت بەگ غوجام، خۇدايىم مەرتىۋىلىرىنى ئۈستۈن، پەرىزەتلىرىنى كۆپ قىلسۇن.
① ئالتۇن ئوتۇغات چەمبەرەسمان تاج.
ئايتولۇن باشلىق تۆت قىز باغدىن يۈگۈرۈپ چىققانچە ئۆيگە كىرىپ كەلدى. — قېنى كۆرەيلىچۇ بوۋاقنى… — بۆرىمىكەن، تۈلكىمىكەن؟ — قىزلار بوۋاققا بوي سوزۇشتى. — بالىلىرىم، قولۇڭلاردىكى قىلىچ — نەيزىنى ئەكىرىۋېتىپ، ئاندىن بوۋاقنى كۆرسەڭلارمۇ بولىدىغۇ، — دېدى زەمبىران ئانا نەۋرىلىرىنىڭ خۇددى جەڭدىن قايتقان نۆكەرلەردەك قوراللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كىرگىنىگە ئاچچىقلىنىپ. — مەشىق قىلىۋاتساق دېدەك قىز يۈگۈرۈپ كېلىپ يابرا خەۋىرىنى تۇغدى، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. مەشىقنى توختىتىپ، ئۆكىمىزگە گۈلدەستە تىزىپ ئېلىپ كىردۇق، — دېدى ئايتولۇن قولىدىكى رەڭگارەڭ گۈلدىن تىزىلغان خۇشبۇي گۈلدەستىنى بوۋاقنىڭ بېشىغا قويۇپ. — بولدى قىلىڭ، ئانىسى، بولار ئۆكسىنى كۆرۈۋالسۇن. مەن چىغىمدا ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قالدىم. يۈگۈرۈڭلار قىزلىرىم، ياراغلىرىڭلارنى ئەكىرىپ قويۇپ، كىيىملىرىڭلارنى ئالماشتۇرۇپ چىقىڭلار، — دېدى كىرىپ كەلگەن بەگتۆمۈر بوۋاققا ئېگىلىپ قاراپ، — ۋاھ — ۋاھ! قارا بۇنى، نېمىنداق چىرايلىق ئوغۇل بۇ، قارا چاچ، ئاق يۈز… بۇنداق بوۋاقنى كىمنىڭ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ، پەرىشتىلەرمۇ كۆرگىلى ئاسماندىن چۈشكەندۇ ھەرقاچان. زەمبىران ئانا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنى ئېلىپ، كۆتۈرگۈسى كېلىپ كەتكەن ئېرىگە بەردى. بەگتۆمۈر قولىغا ئېلىشىغا بۇ سەبىي جان كۆزىنى يېرىم ئېچىپ يىغلاپ كەتتى. — ئاپام — ئاپام، يۇمران تېنىنى ئاغرىتىۋەتتىڭىزمۇ — ھە؟ ئانىسى، بۇ يىغلاڭغۇنى ياتقۇزۇپ قويۇڭ، — دەپ خوتۇنىغا سۇندى. زەمبىران ئانا ئويماقتەك ئاغزىنى تەمىشكەن چەۋرىسىگە ئاغزى بىلەن كالا سۈتى ئىچۈردى.
— ئىككى كۈن چىدىغىن قوزام. ئاپاڭنىڭ كۆكسىگە سۈت كىرسە، تۆگمەس نېمەتكە ئېرىشىسەن.
بۇۋاق ئىككى تەرەپكە بويۇن تولغاپ قاراپ كۆزلىرىنى يۇمدى.
ھۆر خىزمەتچىلەر، دېدەكلەر ئارقا - ئارقىدىن بۇۋاقنى كۆرگىلى كىرىشتى.
— ئۆكامغا قاچان ئات قويۇپ بېرىسەن بوۋا؟ — دېدى سىڭىللىرى بىلەن كىيىم يۆتكەپ كىرىپ كەلگەن ئايتولۇن. ئۇ ئەمدى ئون بەش ياشقا كىرگەن ساھىبجامال قىزغا ئوخشىغانىدى. ئەتلەس كۆڭلىكى، تەتىللا جىلىتكىسى بەدىنىگە يارىشقانىدى.
— ئۆگۈنلۈككە ئەتەگەندە.
— نېمىشقا بوۋا؟ ئەتە قويۇپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟
— ئەتە ئاپاڭلار چەت ئەلدىن كەلگەن يالۇاچلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىدىكەن، ئوردىغا بارمىسا بولمايدۇ.
— ئاپام قېنى؟ — بۇۋاينىڭ ئەڭ كىچىك قىز نەۋرىسى ئارچۇن ئاتىسىنى كۆزلىرى بىلەن ئىزدەپ مومىسىدىن سورىدى.
— ئاپاڭ قوي سويدۇرۇۋاتىدۇ، جىگىرىم.
قورۇنىڭ چوڭ ئىشىكىگە بۆرە بېشى ئاستۇرۇپ كىرگەن رەيھاندىن ئېرىق بويىدا قوي سويۇۋاتقان بويانقارنىڭ يېنىدا ئىدى. ئۈچ قوچقارنى سويدۇرۇپ، ئىككىنى خامتالاش قىلىپ، مۇساپىرلارغا چىقارتىپ بەردى. بىر قوينىڭ گۆشىنى ئۆيگە ئېلىپ قالدى. يابرانى ئىسسىق تېرىگە ئالدى.
ئۈچىنچى كۈنى بامدات نامىزىدىن يانغاندا بەگتۆمۈرنىڭ چوڭ سارىيىدا ئات قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تېخى تاڭ قاراڭغۇسى بولغاچقا تەكچىلەردىكى شام - چىراغلار ياندۇرۇپ قويۇلدى. شەيخۇلىسلام، رەيھاندىننىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى ئادامتۇغرۇل، ئۇنىڭ ئوغلى ئالىپ ئۆدەنمىش، بەگتۆمۈرنىڭ ئىنى - سىڭىللىرى، پەرەزەنتلىرى، قۇدىلىرى، ھەمسايىلىرى بولۇپ
يۈزدىن ئارتۇق ئادەم كەلدى. ئاياللار سارايغا يانداش ئايۋاندا ئولتۇرۇشتى.
مەرھۇم بەگتۈرمىشنىڭ ئومۇت - گۈرزىلىرى، قىلىچ - نەيزىلىرى، ئوقيا - قالقانلىرى، دۇبۇلغا - ساۋۇتلىرى ئېسىلغان ساراي تېمىغا كۆز سالغان ئۆدۈمشنىڭ بۇ ئەل قەھرىمانىغا بولغان ھۆرمىتى يەنىمۇ كۈچەيدى. گەجدىن ئەگەم چىقىرىلىپ چىرايلىق ياسالغان ئويۇقلارغا «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىپ»، سوقرات، ئەپلاتون، ئارىستوتېل، فارابى، ئىبنى سىنا قاتارلىق ئالىملارنىڭ كىتابلىرى تىزىلغانىدى.
سېلىنغان داستىخان يېمەكلىكلەر بىلەن تولدى. رەيھاندىن چاي قويۇپ مېھمانلارغا تۇتتى:
— جانابلار، يېقىرغا ئاللا كېرىم يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى، مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەربىرلىرى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇش شەرىپىگە سازاۋەر بولدۇم. مەن ناھايىتى خوشال. بۇ ئوغلىمنىڭ ئەل خىزمىتىنى قىلىدىغان ئەل ئوغلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ چاي قويدۇم. قېنى، مەرھەمەت قىلىشسىلا!
— ئوغلىم تىلىكىنى ئىزھار قىلدى. يەر سۇ بىلەن، ئادەم ياخشى نام بىلەن كۆكلەيدۇ. چۆك نەۋرەم بەگتۈرمىش بوۋىسى بەگبۇقانىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ياخشى نام قالدۇردى. ئەمدى ئىنىسى تۇغۇلدى. ئونىڭمۇ ئاكىسىدەك ئالىپ بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ئاللاتائالاغا بىرلىكتە ئىلتىجا قىلايلى، دەپ بۇ داستىخاننى راسلىدۇق. بەھۇزۇر بېقىشسىلا، — دەپ بەگتۈرمۇرمۇ مېھمانلارنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.
دەسلەپ گۈللۈك جانان چىنەلەردە شورپا، تەخسىلەردە دۈمبەجىگەر، گۆش تارتىلدى. ئاندىن پۈتۈن پېتى تونۇردا كاۋاپ قىلىنغان ئۈچ قوي، بىر موزاينىڭ گۆشى يۇغان تەخسىلەردە تىلىپ كىرىلدى. ئاخىرىدا، ئۆلار، غاز، قىرغاۋۇل گۆشلىرى، بېھى، ئالما، قۇرۇق ئۈزۈم سېلىنغان پولو لېگەنلەردە تارتىلدى.
جۇۋۇر - ھىجرىلاردا قېتىق، سۈزمە، تەخسىلەردە قوغۇن - تاۋۇز كەلتۈرۈلۈپ، مېھمانلارنىڭ قىزىغان تەنلىرى سوۋۇتۇلدى.
رەيھاندىننىڭ قېيىنئاتىسى بولغان شەيخۇلىسلام قولىنى لۆڭگىگە ئېرتىپ، تۈزلىنىپ ئولتۇردى - دە، تامقىنى قىرىپ سۆز باشلىدى:
-
جانابلار، كۆك بۆرە دەپ ئاتالغان سەرگەردىمىز بەگبۇقا ھەزرەتلىرىنىڭ يېقىندىن كۆز ئاچقان نەۋرىسىگە ئات قويۇش ئۈچۈن يىغىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئات قويۇشنىڭ ئۆزى سۈننەت، ئات قويۇش ئۈچۈن بۇنداق يىغىلىپ ئولتۇرۇشىمىز ئادەتتۇر، - ئۇ سۆزىنى توختىتىپ رەيھاندىنغا قارىدى. بۇ قاراشنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ئاتا دەس قوپۇپ، ئاپپاق زاكاكقا يۆگەلگەن بوۋاقنى ئېلىپ كىردى. ئۆي يورۇپ كەتكەندەك بولدى. بەگتۆمۈر بوۋاقنى ئوغلىنىڭ قولىدىن ئېلىپ شەيخۇلىسلامنىڭ قۇچىقىغا سېلىپ بەردى.
-
ئاللا رەھمەت قىلسۇن.
ئولتۇرغانلارنىڭ بوۋاققا مەستلىكى كېلىپ بوي سوزۇپ قاراشتى.
- ئەجەب چىرايلىق ئىكەن، ئەيبىسىز، نۇقسانسىز…
- چىرايى ئاتىسىغا تارتىپتۇ.
- يۈزى ئەجەب ئاق، سۈزۈك ئىكەن - ھە.
- تەڭرى يامان كۆزدىن ساقلىغاي.
- خەپشۈك!
ھەممە جىم بولدى.
- ھەق تائالا ئادەمنى ئۇلۇغ قىلىپ ياراتقاندۇر، پەرىشتىلەرنى ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇشى ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئادەملەرنى كۆزگە ئىلىنمىغان كۆرەڭ، تەكەببۇر، ئاچ كۆز، ھەسەتخور، رەھىمسىز، ئالدامچى، سوغۇقچىلار، ھاياتلىق ئېتىزىدا شېرىن مېۋە بېرىۋاتقان نوتىلارنى قۇرۇتقۇچى شۇمبۇيا بولۇپ قالماقتا. ئەيبىسىز، پاك تۇغۇلغان
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق زىيانلىق مەلئۇنغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەربىيەنى كۈچەيتىشىمىز، بىلىم بىلەن قاراڭغۇ دىلنى يورۇتۇشىمىز زۆرۈر.
شەيخۇلىسلام مۇلايىم لەۋزى بىلەن نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، بوۋاقنى كۆتۈرگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ:
— رەيھاندىن بالام، بۇ ئوماق نەۋرەم قايسى قۇتلۇق ۋاقىتتا دۇنياغا كەلدى؟ — دەپ سورىدى.
— ئالدىنقى كۈنى، يەنى ھىجرىيە 407 - يىلى شەئباننىڭ 17 - كۈنى ① سەھەردە.
شەيخۇلىسلام:
— بالىنىڭ ئېتىنى نېمە قويساق بولار؟ — دەپ ئونىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەكچى بولدى.
— ئاتا، ئۆزلىرى بىلىپ… — دېدى رەيھاندىن قول باغلاپ تۇرۇپ.
— شەيخۇلىسلام جانابلىرى، ئوغلۇم بىلەن تۈنۈگۈن مەسلىھەتلىشىپ، بالىنىڭ ئېتىنى يۈسۈپ قويساق بولارمىكىن دېيىشكەنتۇق، — بەگتۈمۈرمۇ ئورنىدىن قوپۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
شەيخۇلىسلام بوۋاقنى ئىككى قولى بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرۇپ دېدى:
— بۇ ئىسىم ئاللاھنىڭ روسۇلى، پەيغەمبىرى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئىسمىدۇر. ئاللاھ ئۆكەم بۇ پەيغەمبەرنى چىداملىق، پاساھەتلىك قىلىپلا قالماستىن، ئونىڭغا ناھايىتى گۈزەل جامال، ئاجايىپ كېلىشكەن تەن ئاتا قىلغانىدى. يەتتە ئەزاسى بېجىرىم، چىرايلىق تۇغۇلغان بۇ ئوغۇلغا «يۈسۈپ» دەپ ئات قويساق، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل، ئىنسانلار ئارىسىدا مەشھۇر بولغاي، ئامىن!
① تەخمىنەن مىلادىيە 1016 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
— ئامىن! شەيخۇلىسلام بالىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى تۇغۇلغان چۆچۈردەك ئېتەك قولتۇقىغا يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ئەزان توۋلىدى. ئاندىن سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىپ بولۇپ: — ئەي رەيھاندىن بەگتۆمۈر ئوغلىنىڭ دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان بالىسى، ئاتلىرى يۈسۈپ بولسۇن! — دەپ ئات قويۇپ بەردى. — مۇبارەك بولسۇن! — قۇتلۇق بولسۇن! — دەپ قۇتلۇقلاشتى ھەممىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ. رەيھاندىن شەيخۇلىسلامغا ئات مىندۈرۈپ، مېھمانلارغا تون كىيدۈرۈپ ئۇزاتتى ۋە شۇ كۈنى يەنە ئىككى قۇلنى ئازاد قىلىۋەتتى.
2
بايىلا ئوچۇق كۆرۈنگەن ھاۋا بىردىنلا ئۆزگىرىپ شارىلداپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. دەل — دەرەخلەرنىڭ ھارام پۇتىقىنى ئېلىۋاتقان ئاشانبۇقا ئۆيگە قېچىپ كىرگۈچە سوغۇق سۇغا چۈشكەن موشۇكتەك بولۇپ قالدى. — ۋاي ئاتىسى، يامغۇر ياغمىغان بولسا ئۆيگە كىرمەتتىڭلار، قېرىغىنىنى تويمىايدىغان، — بودراچ موماي چالىقىنىچە لۆڭگە ئەكىلىپ، ئېرىنىڭ قارىيىپ قالغان يۈزى بىلەن ياۋا قۇتازنىڭكىدەك تورۇلۇپ كەتكەن بوينىنى ئېرتتى. بېشىدىكى مالىخىيىنى ئېلىپ، ئاق شاپاق دوپپا كىيدۈرۈپ قويدى، — چاپاننى سېلىۋېتىڭلار! ئاشانبۇقا ھۆلۈپ كەتكەن چاپىنىنى سېلىۋەتتى. يامغۇرمۇ توختاپ قالدى. — بۆرە تۇغقان چىغى خوتۇن، بۇلۇتسىز ئاسماندىن يامغۇر
يىغىپ دۇنيانى سەگىتەتتى. — خۇدايىم، سىلىنى بىرئاز دەم ئېلىۋالسۇن، دەپ شۇنداق قىلغاندۇر، بولمىسا دەل — دەرەخلەر يېپىندىن ئۆيگە كەلمەيتتىڭلا. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ بىرئاز ئارام ئېلىۋېلىڭلا، چۆچۈرە ئېتىپ بېرىمەن. — ئوغلۇم كەلگۈچە پىشۇرۇڭلا جۇمۇ! — قاچان پىشماي قالغان؟ — دېدى ياغاق قوللىرىنى قورۇق باسقان پېشانىسىگە قويۇپ كۈنگە قارىغان موماي. كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئوچۇق ئاسمان يۈزىدە رەڭگارەڭ جولالىنىپ ھەسەن — ھۈسەن پارلىغانىدى. ئاشانبۇقا باسمىل قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۆز جەمەتى بىلەن ياغمىلارغا بويسۇنماي قېچىپ يۈرۈپ، قولغا چۈشكەندە قول قىلىۋېتىلگەنىدى. بۇ كۈچلۈك يىگىتنى بەگبۇقا ئېلىكخاندىن سورىۋېلىپ، ئائىلە خىزمەتچىسى قىلىۋالغانىدى. كېيىن قول بازاردىن سېتىۋالغان قارىقۇمچاق قىز بودراچنى ئۇنىڭغا ئۆيلەپ بەردى. بۇ قىز توغرا قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۆي ئىشلىرىغا كامىل ئىدى. قېچىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ يۈرگەن ئاشانبۇقا بودراچنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىگە بوسۇغىدىن دالجىماس ئىتتەك باغلىنىپ قالدى. بودراچ خېلىغىچە تۇغماي يېشى قىرىقتىن ئاشقاندا بويانقارنى تەۋەللۇت قىلدى. بويانقار ئون توققۇزغا كىرگەندە قۇللۇقتىن بېراقلا ئازاد قىلىندى. ئۇلار بۇرۇن باغنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى قوللارنىڭ ياتاق ئۆيلىرىدە تۇرغان بولسا، ھازىر باغ ئىچىدىكى ھۆر خىزمەتچىلەر قاتارىدا بىر يورۇق ئۆيدە تۇراتتى. ئاشانبۇقا بىر قىز پەرەزەنت كۆرۈش تىلىكىدىن تېخىچە ۋاز كەچمىگەنىدى. شۇڭا: — ئەمدى تۇغمايدىغان بولساڭ، تىرناقتا توختىغۇدەك بىر قىز ئالىمەن جۇمۇ، — دەپ بودراچنى پات — پات تېرىكتۈرۈپ قوياتتى. ئوغلى ھۆر بولغاندىن بېرى ئوردا نۆكىرى ھەم رەيھاندىننىڭ خاس مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ كېلىۋاتقاچقا، ئۇنى
ئۆيلەپ قويۇشقا بەكرەك باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ تال باراڭلىق سوپىدا چۆچۈرە تۈگۈۋاتقان خوتۇنىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
— بويانقار بىلەن سۆزلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ بىرەر قىزغا مەيلى بارمىكەن؟
— نېمە دەۋاتىسلا ئاتىسى، ئوغلىمىزنىڭ يۈزى بەك تۆۋەن، بۇ ۋاقىتقىچە بىرەر قىزنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ باقمىدى.
— ئايسىلىگ خېنىمنىڭ ئۆزىگە ياغلىق تاشلىغانلىقىنى دەپ كەلگەنگۇ، — ئاشانبۇقا غەلىبە تەنتەنىسى كۈنى چەۋەنداز پالۋانلارغا تاشلانغان رەڭمۇرەك ياغلىقلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ھىجايدى.
— ئۇنتۇماپتىلا — دە، ئاتىسى؟ ئۇنى ئەسلىرىدىن چىقارسىلا، بۇ ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ ئالامىتى ئەمەس، — بودراچ موماي يالغان سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ئايسىلىگنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتى، — ئۇلار دېگەن باي، زەردار ئائىلە. بىز دېگەن يېقىنلا قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنغان، ئۆز جېنىنى ئاران جان ئېتىۋاتقان كىشىلەر. نە ئاتاق — ئابرۇيىمىز بار، نە ئەمەل نىشانىمىز…
— بولدى قىلىڭلار خوتۇن. ئاتىلاپ كەتتىڭلۇغۇ. مال-دۇنيارىمىز بولمىغان بىلەن، ئاتاق — ئابرۇيىمىز بار بولدى. ئوغلىمىز پالۋان بولۇپ ئاستانىدە داڭق چىقاردى. ئۇنىڭغا كۆزى چۈشكەن قىزلارمۇ ئاز ئەمەس. ئايسىلىگ شۇلارنىڭ بىرىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئۆزى بەك ئوبدان قىز، «ئاشان بوۋا» دەپ قىچقىرىپ مېنى سۆيۈندۈرۈۋېتىدۇ.
— ئوبدان قىزلىقى ماڭىمۇ ئايان، ئاچىسى ئايتولۇندىن قېلىشمايدۇ. بىراق، ئۇ كاتتا باي ھەم كاتتا ئەمەلدارنىڭ قىزى. بىزنىڭ تېخى ئايرىم قورۇ — جايىمىزمۇ يوق، — بودراچ موماي تۈگۈپ بولغان بىر پەتنۇس چۆچۈرىنى ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويۇپ يەنە بىر قۇرۇق پەتنۇسنى ئېلىپ چىقتى، — بۇ چاغقىچە
رەيھاندىن بېگىم قۇل دېمەي بىزگە ئوبدان مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، نام - ئاتاققىمۇ شۇلارنىڭ شاراپىتىدىن ئېرىشتۇق، بۇنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. ئايسىلىگ خېنىم بىلەن بويانقار بىر - بىرىنى ياخشى كۆرگەن ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەر - خوتۇن بولۇپ بىر ياستۇققا باش قويۇشى يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى گەپ.
— شۇنداق دەپ كەتكۈلا خوتۇن، ئوغلىمىزنىڭ پېشانىسىگە يېزىلغان بولسا ئەجەب ئەمەس. مەن ھايات چېغىمدا يەر ئېلىپ باغلىق قورۇ قىلايمىكىن، دەيمەن. ھەر ئادەم ئۈچۈن قورۇ - جايىنىڭ بولۇشى، پادىشاھ ئۈچۈن بىر مەملىكەت بولمىسا بولمىغىنىدەك زۆرۈر ئىكەن… — ئۇنىڭ كۆكۈچ كۆزلىرى ئېرىق بويلاپ كېلىۋاتقان ئايسىلىگكە چۈشۈپ سۆزدىن توختاپ قالدى.
— ھە، نېمە بولدى، سۆزۈڭلىنى توختىتىۋالدىڭغۇ؟ — دېدى بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان بودراچ موماي.
— قاراڭلا خوتۇن، ئاۋۇ كېلىۋاتقان قىزغا، قولىدا بىر نەرسە باردەك قىلىدۇ، — دېدى خوش بولۇپ كەتكەن ئاشانبۇقا.
— ۋاي، ئۇ ئايسىلىگ خېنىمغۇ! — دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن موماي سوپىدىن ئېتتىك چۈشۈپ، رومىلىنى ئوڭشاپ قىزغا قاراپ ماڭدى.
— بودراچ موما، — قىز يۈگۈرۈپ كېلىپ توغاچتەك قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىنى تۇتۇپ بەردى، موماي قىزنىڭ ئىككىلا مەڭزىگە سۆيدى.
— ۋاي خېنىم قىزىم، قىرقى توشمىغان بوۋاقنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپلىغۇ، شامالداپ قالسا قانداق قىلىمىز؟
— ئېقىپچىپ چىقتىم، ھېچنېمە بولمايدۇ، — دېدى ئايسىلىگ كۈمۈش تۇتۇغات كىيگەن قوندۇزدەك قاپقارا چاچلىق بېشىنى يېنىك چايقاپ. ئۇنىڭ ئۆزۈن بىنەپشە رەڭ كۆڭلىكى تاپىنىغا تېگىپ تۇراتتى، شۇ تۇرقىدا ئۇ تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. مەيدىسىگە تېڭىلغان بوۋاق قارا كۆزلىرىنى
مۆلدۈرلىتىپ ھەممە ياققا تەلپۈنەتتى، يېقىندىن بېرى كۆكسىگە بولۇق سۈت كىرگەن ئانىسىنى ئېمىپ خېلىلا ئېتلىنىپ قالغانىدى. ئۇ شۇ تاپتا زاغىلاقلىق بولۇپ، توغاچتەك مەڭزىگە تېگىپ قالغان ياغلىقنىڭ چۆچىسىنى تۇتۇۋالغانىدى.
— كېلىسلىە خان بالام، كېلىسلىە، باياتىن ئېسمىنى يوقىتىپ ئۆيگە باشلاي دېمەپتىمەن…
— ئاي بىلەن كۈن كېلىپتۇغۇ، ئامىتىمىزمۇ كەلگۈدەك، — خوش بولۇپ كەتكەن ئاشانبوۋا سۇپىدىن سەكرەپ چۈشۈپ سالام بەردى، — خوش كېلىپلا خان بالام، مۇبارەك قەدەملىرى، يۈسۈپ بېگىمنىڭ نۇرلۇق جامالى، غېرىپ خانىمىزغا قۇت ئېلىپ كەلگەي. مەرھابا، مەرھابا!
— ئاشان بوۋا، سۇپىدا ئولتۇرۇڭ، يۈسۈپ ئۆينى ئانچە خالىمايدۇ، تالادا ئامراق، — ئايسىلىڭ ئۆيگە كىرىشكە ئۇنىمىدى. موماي ئىككى يېكەنداز ئېلىپ چىقىپ، ئۈست — ئۈستىگە سېلىپ قىزنى ئولتۇرغۇزدى. داستىخان سېلىپ مەزە — گىردە قويدى. ئاشانبوۋا يۈسۈپنى قولىغا ئالدى. چاچلىرىمۇ، ئاق كىرگەن ساقاللىرىمۇ بۈدۈر بولۇپ كەتكەن بوۋايغا قارىغان بوۋاق قاقاقلاپ يىغلىدى. يەنە چۆچۈرە تۆكۈشكە ئولتۇرغان موماي:
— ئاتىسى، ماڭا بېرىسلىە بەگ غوجامنى، — دەپ قولىدىن ئېلىپ باغرىغا باستى. يۈسۈپ ئۇنىڭ قولتىقىغا بېشىنى تىقىپ ئەپچەك ئەمگەندەك، سۈت ھىدىنى ئالالماي بۇغۇلۇپ يەنە يىغلىدى. ئايسىلىڭ:
— كەل ئۆكام، ئەممەڭنىڭ كەلگەن ئوخشايدۇ، نان يېگۈزۈپ قوياي، — دەپ ئايسىلىڭ بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ سۆيدى، ئاندىن بىر چىشلەم ناننى يۇمشاق چايناپ يېگۈزۈۋەردى، بالا يىغىدىن پەسلەپ، قوللىرىنى ئويان — بۇيانغا ئارتىپ ئويۇنغىلى تۇردى. بودراچ موماي چۆچۈرىنى تۈگۈپ بولۇپ، پىشۇرۇپ چىقاي دەپ ئاشخانىغا كىرىپ كېتىشىگە، قارىگەرنى يېتىلەپ بويانقار يېتىپ
كەلدى. ئۇنىڭغا لەپپىدە قارىغان ئايسىلىق ئىللىق قىزاردى - يۇ، كۆرمىگەن بولۇپ يۈسۈپنىڭ يۈزىگە لېۋىنى يېقىپ ئولتۇرۇۋەردى. يۈگۈرۈپ كەلگەن قۇلدىن بىرى ئاتنىڭ تىزگىنىنى ئالدى. بۇ بۇغرا قاراخان قول قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەقسىم قىلىپ بەرگەن قىتان ئەسىرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
-
ئوغلۇم، ئاقچە قالدىڭغۇ؟ - ئاشانبۇقا يېنىغا كەلگەن ئوغلىنى قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزدى. بويانقار ئوردا نۆكەرلىرىگە خاس قارا مالىخاي، كالتە كەمزۇل كىيىپ، توچ كەمەر تاقىغانىدى. كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرغان بۇ يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىدىن ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
-
ئاغىچى ئۇلۇغى بۇغرا قاراخان سارىيىدىن چىققۇچە كۈتۈپ تۇرۇپ قالدىم، ئابا، - يىگىت ئايسىلىققا بىر قارىۋالدى، - كېڭەش بولغان ئوخشايدۇ.
-
نېمە كېڭەش بولغىنىنى ئۇقمىدىڭمۇ؟
-
سوراي، دەپ سورىيالمىدىم.
-
ئاباڭ ئۆزى دەپ بەرمىدىمۇ؟ - سۆز قىستۇردى ئايسىلىق ئۇنىڭغا يەر ئاستىدىن بېقىپ.
-
ئاغىچى ئۇلۇغى ھەزرەتلىرى ناھايىتى خاپا كۆرۈنگەچكە سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، خان قىز.
-
ئابام ئۇنچىلا ئاچچىقى يامان كىشى ئەمەسقۇ. سورىغان بولساڭ خاپا بولغىنىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرەتتى، - ئايسىلىق ئىتتىك بويانقارغا قارىدى. ئۇ كىچىكىدە ئۆزىنى كۆتۈرۈپ باققان بۇ يىگىتنى سەنلەپ كۆنۈپ قالغانىدى.
-
ئوغلۇم رەيھاندىن ھەزرەتلىرىنى ئاچچىقى يامان دېگىنى يوق، خان قىزىم، ئۇ تارتىنىپ سوراشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى دېمەكچى. بۇ ۋاقىتقىچە ئاتلىرى بىزگە ئوبدان قاراپ كەلدى، ھەممىمىز بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن.
-
ئابامدىن سوراپ باققان بولسا دەپ بېرەتتى. مەن سوراپ
ئەتە كېلىپ دەپ بېرەي، ئاشان بوۋا، ئايسىلىڭ ئورنىدىن تۇردى.
خان قىزىم، نەگە بارىلا، بويانقارنىڭ ئانىسى تاماق ئېتىپ چىقىۋاتىدۇ. كەتسەڭ، خاپا بولىدۇ، دەپ توستى بوۋاي.
ئاشقا ئېغىز تېگىپ كەتسەڭ خان قىز، مەندىن خاپا بولۇپ قالدىڭمۇ يا؟ بويانقار يىلىنغان نەزەردە قىزغا كۆز تىكتى، يۈسۈپ بېگىمنى مەن ئالاي، ئۇ قول ئۇزۇتۇپ بوۋاقنى ئالدى.
سەندىن خاپا بولمىدىم، بويانقار. ئابام مېنى نەگە كەتتىكىن، دەپ ئەنسىرەپ قالىدۇ، قىز شەھلا كۆزلىرىنى يىگىتكە تىكتى، ئاناممۇ يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقسا، مېنىڭ يېنىمدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي، غەمدەپ بىئارام بولۇپ كەتەرمىكىن، ئايسىلىڭ يۈسۈپنى ئالماقچى بولۇپ قول ئۇزاتتى. بويانقار:
يەنە بىردەم كۆتۈرەي، دەپ بەرمىدى.
چوڭ پەتنۇسقا ئېلىنغان تۆت چىنە چۆچۈرەنى دەدەككە كۆتۈرتۈپ ئاشخانىدىن چىققان بودراچ موماي ئوغلى بىلەن ئايسىلىڭنىڭ بىر بىرىگە قارىشىپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىغا زېھن قويدى. «ھەي، مۇشۇ بالىلار ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قويمىسا بولاتتى…» دەپ ئويلىغىنىچە بىر چىنە چۆچۈرەنى ئايسىلىڭنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلارنى كۆرمىگەنگە سېلىپ بالىخانىدىكى كەپتەرلەرگە قارىۋالغان ئاشانبوۋا «بۇ ئىككىيلەننىڭ بېشى قوشۇلۇپ قالسا مۇرادىمغا يېتەتتىم. ئىلاھىم، پېقىر قولۇڭنى نائۈمىد قويما» دېدى ئىچىدە. بوۋاي خۇش بولۇۋاتاتتى.
چۆچۈرەنىڭ قىيمىسىغا، يالپۇز، لويلا ئارىلاشتۇرۇپ، سۈيىگە غورا، ئاشكۆكى، زىرە سېلىپ ئېتىپتۇ، خان قىز، ئىچىسەڭ. ئىچىمىسەڭ ياراتمىدى، دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، بودراچ موماي ئايسىلىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
ئوخشاپتۇ، بودراچ موما، دېدى ئايسىلىڭ بىر تال
چۆچۈرۈنى ئاغزىغا سېلىپ، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ بىردىنلا تۇرۇپ كەتتى، دېمىدىممۇ، ئايتولۇن ئاچام سىڭىللىرىم بىلەن مېنى ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ، ئەنە…
ئاشانبۇقا، بويانقار سوپىدىن چۈشۈپ قول باغلاپ تۇردى. بۈدۈرەچ موماي بەل پۈرمە كۆڭلەك، تاۋار جىلىتكە كىيگەن ئايتولۇن بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشتى، بۈدۈرەچ موماي ئايتولۇننىڭ چىكە چاچلىرى چۈشۈپ تۇرغان پېشانىسىگە سۆيدى:
قېنى يۇقىرى چىقىشىلا خان قىزلىرىم.
سەن بۇ يەردە ئىكەنسەن ھە، ئايسىلىق؟ دېدى ئايتولۇن ئەگىم قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ. ئۇنىڭ يۇمىلاق يۈزى قىزىرىپ كەتكەنىدى، ئىزدەپ باقمىغان قىپچاق تۇپراق. سەن بولساڭ بۇ يەردە بېخارامان ئولتۇرۇپسەن. ئاتام كېلىپ ئۆزى بوۋام، مومايلارنىڭ يېنىغا كىرىپ يۈسۈپنى ئىزدەپ چىقتى، ئاندىن «تېپىپ كېلىڭلار» دەپ ئەنسىرەپ قالدى.
بۈدۈرەچ موماي ئالدىراپ بىر بىردىن چىرايلىق بۇ ئاچا سىڭىللارغا چۆچۈرە ئېلىپ چىقتى. ئۇلار چۆچۈرۈنى يەپ خوشلىشىپ مېڭىشتى. بويانقار يۈسۈپنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئايسىلىقنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى. ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بۇ قىزنىڭ كېلىشكەن يەلكىسىدە رومىلى يەلپۈنۈپ تۇراتتى. بويى ئايتولۇندىن سەللا پەس بولۇپ، زىلۋاراق ئىدى. ئۇلار باغدىن چىقىشىپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ پېشايۋانىدا تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان ئاتا ئانىسىنى كۆردى. بوۋىسى بىلەن مومىسىمۇ ئىنتىزار بولۇپ ئولتۇرۇشاتتى.
يۈسۈپنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن سېنىمىدۇق ئايسىلىق؟ دەپ قويساڭ بولمامدۇ؟ ئەجەب ئەنسىرەتتىڭ، دېدى ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغان يابغۇ، ئاندىن بالىنى ئېمىتىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تۇغۇتتىن كېيىن ئۇنىڭ چىرايى ئەسلىگە كېلىپ ئوخشىشىپ قالغانىدى.
قىزىم، ئۇنىڭ تېخى قىرقىغا توشمىغان تۇرسا، تالا
78
تۆز دە كۆتۈرۈپ يۈرسەڭ قانداق بولىدۇ؟ شامالداپ قالسا ياكى يىقىلىپ چۈشسەڭ قانداق قىلاتتۇق؟ - ھە! ئەمدى بۇنداق بەتباشلىق قىلما، - كايىدى رەيھاندىن يەرگە قاراپ تىرناق تاتىلاپ تۇرغان قىزىغا، - باياتىن نەدە ئىدىڭ؟
- بودراچ مومامنىڭ ئۆيىدە، - ئايسىلىق جاۋاب بېرىپلا ئۆزى تارتىندىن پاتقىدە يىغلاپ تاشلىدى.
- بۇ بالىلارنى مېيىلگە قويۇۋەتمەڭلار، ئوغلۇم، بولۇپمۇ ئايسىلىق باغدا قۇشتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ. قوللارنىڭ ئۆيلىرىدە يۈرگەننى قارىمامدىغان! ئۆچۈقداپ تۇرمىغاننىڭ ئاقىۋىتى بۇ. قىز بالا دېگەننى پات - پات ئەدەپلەپ تۇرۇش زۆرۈر، - ئاچچىقلاندى بەگتۆمۈر ساقاللىرىنى تىترىتىپ. ئايسىلىق تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى.
- ئونچىۋالا قىلىپ كەتمىسەڭ ئاتىسى. ئايسىلىق شوخ بولغان بىلەن بەك ئەدەپلىك، ئېيتىقۇندىن قېلىشمايدۇ، تېخى كىچىك - دە. يىغلىما قىزىم، بوۋاڭ شۇنداق دېگىنى بىلەن ساڭا ھەممىدىن ئامراق، - گەپ ئارىلىدى زەھىران ئانا ئېتىلىپ كەلگەن قىزنى باغرىغا بېسىپ. بالىنى ئېمىتىپ چىققان يابىرا جايىغا كېلىپ ئولتۇردى.
- قارىسىلا ئوغۇللىرىغا، كۈلۈدىغان بوپتۇ. رەيھاندىن بودرۇق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ تەلپۈنگەن يۈسۈپنى قولىغا ئالدى.
- ماشائاللا، ئوغلۇم، ئاتاڭنى تونۇدۇڭمۇ - ھە؟ - ئۇ بوۋاقنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى، كۈلۈمسىرىگەندەك قىلغان بىلەن ئويچان چېھرىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى. ئوغلىنىڭ چىرايىغا سەپسالغان بەگتۆمۈر:
- بالام، غەمكىن كۆرۈندىڭغۇ، ئوردىدا بىر گەپ بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- يېقىندىن بۇيان ئوردىدا گەپ ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئاتا. بەزىلەر «ئەھمەد توغانخان قورقماس، باتۇر شاھزادە، ساھىبقىران
بۇغرا قاراخان بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ» دېسە، بەزىلەر، «تامغاچ بۇغراخان ① — يۈسۈپ قادىرخان تەخت ۋارىسىدۇر. دانىشمەن، تەمكىن ھەم قەيسەر، بۇغرا قاراخان بولۇشقا ھەممىدىن مۇناسىپ» دېيىشىدۇ. بۇ تالاش — تارتىش ئەھمەد تۇغاندىن تەختكە چىقىپ، يۈسۈپ قادىرخان غازى ئارسلانخان ئونى ئېپتىراپ قىلغاندىن كېيىن تۈگىسە ئوبدان بولاتتى. ۋاھالەنكى، پىتنە — پاسات ئۆسۈپ كېتىۋاتىدۇ. مانا شۇنىڭدىن يېقىنقى مالاللىق يەتتى.
مەسلىنىڭ خېلىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى پەللىگەن بوۋاي:
— بالام، بىز ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى، بالىلار مومىسى بىلەن مەشەدە تاماقتىن يېسۇن، — دەپ پېشايۋان سۇپىسىدىن چۈشتى. رەيھاندىن سوئال نەزىرى بىلەن قارىغان خوتۇنىغا يۈسۈپنى بېرىپ، ئاتىسىنىڭ كەينىدىن ئۆيگە كىردى.
— بالام، بۇلارنىڭ ھاياتى قاراخانىيلارنىڭ تەختىنى مۇستەھكەملەش بىلەن ئۆتكەن. مەن تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتساممۇ، ھاكىمىيەتچىلىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىمەن، مەملىكىتىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا، ئوغلۇم سىلىنىڭ ئوردا خىزمىتىنى ساپ دىللىق بىلەن ئادا قىلىۋاتقانلىقلىرىدىن خۇرسەنمەن. ھالبۇكى، بۇنداق مالاللىققا قېلىشلىرىنى خالىمايمەن. ئېيتسىلا، سىلىنىڭ كۆڭۈللىرىگە كەلگۈدەك قانداق گەپ — سۆز بولدى؟
رەيھاندىن دەرھال جاۋاب بەرمەي سۈكۈت قىلدى.
3
رەيھاندىن كۆپ ئەللەرگە بارغان، پاراسىتى، چىدام — غەيرىتى بىلەن نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشىپ نام قازانغان سودىگەر ئاتىسىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. ئۇنىڭ جۈرئەت — جاسارىتىگە
① تامغاچ بۇغراخان — تامغا تۇتقۇچى بۇغراخان دېگەن مەنىدە.
قايىل ئىدى. سېخىي، مەردانلىقنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغانىدى. مانا شۇنداق كۆكسى - قارنى كەڭ، غەيۇر ئاتىنىڭ پەرھەنتى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. شۇڭا، ئۇ بۇ ۋاقىتقىچە ئاتامنى ئەندىشىگە سېلىپ قويماي، دەپ ئېيتالمىغان بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن سورىدى:
— ئى بۈزرۈكۋار، تەخت ۋارىسى ئەمەس تۇرۇپ، ئەھمەد تۇغانخاننىڭ بۇغرا قاراخان بولۇپ قىلىشىدىكى سىرنى بىلىدىغانلا؟
— يوقسۇ بالام، سودا ئىشى بىلەن بولۇپ كەتكەچكۇمۇ، بۇ ئىشتىن تازا خەۋىرىم يوق.
— يېقىنمۇ ئورداغا كىرگەندىن كېيىن بىلدىم. بالاساغۇننى پايتەخت قىلىپ تۇرغان ھارۇن بۇغراخان ھايات چېغىدا چوڭ ئوغلى يۈسۈپ قادىرخانغا «تامغاچ بۇغراخان» دېگەن نامنى بېرىپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ھەم پامىر تېغىنىڭ باغرىدىكى زېمىنلارنى باشقۇرۇشقا قويغانىكەن. ئۆزى بىلەن بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى بولغان ناسىر تېگىنگە «ئېلىكخان» دەپ نام بېرىپ ئونى ئۆزكەنت شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىنى باشقۇرۇشقا قويغانىكەن. ناسىر ئېلىكخاننىڭ ئاكىسى ئەھمەد تۇغانخانغا «ئارسلانخان» دېگەن نامنى بېرىپ بالاساغۇن دىيارىغا ھاكىم قىلغانىكەن. ھارۇن بۇغراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۈسۈپ قادىر خاننىڭ قەشقەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى پايدىلىق پۇرسەت دەپ بىلگەن ئەھمەد تۇغانخان لەشكەرى كۈچى ۋە قاراملىقى بىلەن تايانغۇلار كېڭىشى①نى ئۆزىگە قارىتىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزىنى «بۇغرا قاراخان» دەپ ئېلان قىلىپ تەختكە چىقىۋاپتۇ.
— توختىسلا بالام، يۈسۈپ قادىرخان تەخت ۋارىسى بولۇپ
① تايانغۇلار كېڭىشى — ئالىي دۆلەت كېڭىشى.
تۆرۈقلۇق نېمىشقا قارشىلىق قىلماپتۇ؟ دېدى بوۋاي ئەھمەد توغانخاننىڭ قارارىيىتىنى ئاڭقىرىپ.
بىلىملىك، كەڭ قورساق بولغان يۈسۈپ قادىرخان قېرىنداشلار، يۇرتداشلار ئارا قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىماي، ئۇنىڭ بوغرا قاراخان بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد توغانخاننىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىنىسى ناسىر ئېلىكخان بىلەن بىللە سامانىيلار خانلىقىنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان غەزنەۋىيلەرگە قارشى لەشكەر تارتىپ بېرىپتۇ، كېسكىن جەڭ قىلىپ خوراساننى ئىگىلەپتۇ. ئۇنىڭ بۇ غەلىبىسى ئەھمەد توغانخاننى ئەنسىرىتىپ قويۇپتۇ. ئۇ تەختتىن ئايرىلىپ قالمايمىكىن، دەپ ئەندىشىگە چۈشكەنىكەن.
ئەجەب ھە، ئوغلۇم. ئەھمەد توغانخان مەمنۇن بولماي، دەككە دۈككەگە چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپتۇ. «نيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەن شۇ دە، دېدى بەگتۆمۈر.
ئايتولۇن داستىخان سېلىپ، دېدەك قىز كۆتۈرۈپ كىرگەن ئىككى تەخسە چۆپنى بوۋىسى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئالدىدا قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ئەمدى تاماقتىن ئېلى، قورساق ئاچقاندەك قىلىدۇ، بالام، بەگتۆمۈر تەخسىدە لىققىدە تۇرغان چۆپنى بىردەمدىلا يەپ تۈگەتتى. ئۇنىڭ چاچ ساقاللىرى ئاقىرىشقا باشلىغان بولسىمۇ، گۆشلۈك يۈزىگە تۈزۈك قورۇق چۈشمىگەنىدى. ئاتىسمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز مېڭىتتى. رەيھاندىن ئوردا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن سودا ئىشلىرىغا يەنىلا بوۋاي ئۆزى باشچىلىق قىلىۋاتاتتى.
«ئاتامنىڭ ئىشتىھاسى ئوبدان، ھەرىكىتى كۆپ بولغاچقا
① غەزنەۋىيلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر قۇرغان دۆلەت نامى.
تېمەن تۇردى. يېقىندىن بېرى بىر جايدا ئولتۇرۇپ مۆڭدەشالماي قالدىم. ئادەم ياشانغانسېرى گەپ خۇمارى بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ كۈلۈمسىرىدى رەيھاندىن ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى:
— يۈسۈپ قادىرخان خۇراساندا تۇرۇۋاتقاندا، خوتەن دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا چىش - تىرنىقى بىلەن قارشى بولغان ئاكا - ئۇكا خانلار — نۇقتى رەشت بىلەن چۇقتى رەشت نۇرغۇن لەشكەر بىلەن يۈرۈش قىلىپ، قاغىلىق، پوسكام، يەكەن قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان ۋە يېڭىسارغا يېقىنلاپ، قەشقەرگە تەھدىت سالغان. شامالدەك تېز يېتىپ كەلگەن چاپارمەندىن ئەھۋالنى ئۇققان يۈسۈپ قادىرخان ئادەم ئەۋەتىپ ئەھمەد تۇغانخاننى واقفىلاندۇرغان. ئەمما، بۇ بۇغرا قاراخان ئۇنى قەشقەرگە قايتىشقا بۇيرۇپ، لەشكەر بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
— قارىسىلا بالام، تۇغانخاننىڭ نامەردلىكىنى. يۈسۈپ قادىرخاننى يولۋاس ئاغزىغا يەمچۈك قىلىپ تاشلاپ بەرمەكچى بوپتۇ — دە، ئۇ دۆيۈز.
— توغرا دېدىلە، ئاتا! يۈسۈپ قادىرخان تۇغانخاندىن ئۈمىد ئۈزۈپ دەرھال قەشقەرگە قايتىپتۇ. ماداىين①دىن كېلىپ، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئىمام نەسىردىن، ئىمام مۇئىنۇددىن، ئىمام زوھۇرۇددىن، ئىمام قاۋامىددىن ئۆمرىلىكتىكى تۆت تۈمەن ئەرەب قوشۇنى② بىلەن ئۆز لەشكىرىنى باشلاپ جەڭگە ئاتلىنىپتۇ.
— بۇ تۆت ئىمام قەشقەرگە قاچان كېلىپ قاپتىكەن؟ — سورىدى بەگتۆمۈر سەل ئەجەبلىنىپ.
— ئاڭلىشىمچە، يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ ئاتىسى ھارۇن بۇغراخان تېخىچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان خوتەن
① ماداىين — ئىراقتىكى قەدىمىي شەھەر، بىر مەزگىل ئابباسىيلار خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. ② ئابباسىيلار خانىدانلىقىنىڭ شاھزادىلىرى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن.
ئەھلىنى مۇسۇلمان قىلىش نىيىتىدە ماداىندا تۇرۇۋاتقان ئىسلام خەلىپىسىگە نۇرغۇن سوۋغا - سالام يوللاپ، ياردەم سورىغانىكەن. خەلىپە تۆت ئىمامنى ئەمىرلەشكەر قىلىپ تۆت تۈمەن ئاتلىق لەشكەر ئەۋەتىپتۇ. ئەمما، ھارۇن بۇغراخان سامانىيلار ۋە غەزنەۋىيلەرگە قارشى ئۇرۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، خوتەنگە يۈرۈش قىلالماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆت ئىمام قەشقەر ۋادىسىدا تۇرۇپ قالغانىكەن، ئاتا. يۈسۈپ قادىرخان بۇلار بىلەن بىللە، نوقتى رەشت، چوقتی رەشت لەشكەرلىرىنى سۈرگەنچە خوتەنگە يېتىپ بېرىپتۇ. خوتەن پادىشاھى ياغلۇ خالخالنىڭ ئۆزلىرى بولغان بۇ ئاكا - ئۇكا خانلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ قىيما - چىيما بولۇپ كەتكۈچە قوللىرىدىن قىلىچنى تاشلىماپتۇ. تۆت ئىماممۇ جېنىدىن ئايرىلىپتۇ. يېڭىلگەن خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئامانلىق تېپىپتۇ. يۈسۈپ قادىرخان خوتەندە بىر مەزگىل تۇرۇپ، تۆت ئىمام ئۈچۈن مەقبەرە ياسىتىپتۇ.
- مەن خوتەنگە بارغان چېغىمدا بۇ تۆت ئىمامنىڭ مەقبەرىسىگە چىقىپ قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلغانىدۇم. ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇرۇپ قىرىق تۆگىگە گىلەم ئارتىپ قايتىپ كەلگەنىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بېرىشقا نېسىپ بولمىدى. ئەمما، ھەر يىلى خوتەندىن ئالدۇرۇپ كەلگەن گىلەملەرنى ئەرەب ئەللىرىدە سېتىپ پايدىسىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. سىلىمۇ مەن بىلەن كۆپ ئەللەرگە بارغاندىلا. سودا - سېتىققا تازا پىشقان چاغلىرىدا، ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن كاتتا مەنپەئەتدار بولۇپ قالدىلا. شۇنداقتىمۇ يەنە ئۆتكەن - ئاخشامدا ھېسابات ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قىلىۋاتىدۇلا. كۆكسىلىرى دەريادەك كەڭ ئىكەن، بالام. شۇنچە كۆپ مىسكىن، يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، مەكتەپ سېلىپ، مەسچىت بىنا قىلىپ، يول ياسىتىپ، كۆل كولىتىپمۇ بولدى قىلمايۋاتىدۇلا، سىلىدىن بەك رازىمەن بالام، - بەگتۆمۈرنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.
— بۇ سىلىنىڭ تەربىيەلىرىنىڭ نەتىجىسى، ئاتا. مەن ئارزۇ قىلغىنىمدەك خىزمەتلىرىدە بولالمىدىم، — دېدى رەيھاندىن چىن قەلبى بىلەن، — ئاتا بالىنىڭ غېمىدە، بالا بالىسىنىڭ غېمىدە، دېگەندەك، بالىلىرىمنىڭ غېمىنى يېيىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ھەربىرلىرىدىن دېگەندەك خەۋەر ئالالمايۋاتىمەن. قانداق تەلەپلىرى بولسا ئېيتسىلا، بەجاندىل ئورۇنلايمەن، خىزمەت بولسا بۇيرۇسىلا ئادا قىلىمەن.
— رەھمەت بالام، رەھمەت. دۇنيادا تەلەپى يوق ئاتا مەۋجۇت ئەمەس. مېنىڭ تەلەپىم: ئاللا سىلىگە ئاتا قىلغان خىزمەتنى ساپ دىللىق، خالىسلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەلنى رازى، خان — پادشاھنى مەمنۇن قىلغايلا. ئوغلىنى خىزمەتكە بۇيرۇمايدىغان ئاتىمۇ دۇنيادا يوق. ئوغلوم، مەن سىلىگە بۇيرۇمايدىغان خىزمەت شۇكى، ئالدىلىرىغا كەلگەن ھاجەتمەننى ھاجىتىدىن چىقارسىلا. دوستلارنى خۇش قىلسىلا، بىزار قىلمىسىلا. يوقسۇلنى يۆلىسەلا، رەنجىتمىسەلا. ئەتىگەن — كەچلەردە يېنىمىزغا كىرىپ ئەھۋال سوراشنى بىز كۆز يۇمغۇچە داۋاملاشتۇرسىلا، تەرەك ئەتمىسەلا.
رەيھاندىن ئاتىسىنىڭ قوللىرىنى تۇتتى:
— تەلەپ ۋە بۇيرۇغان خىزمەتلىرىنى بەجاندىل ئادا قىلىمەن، ئاتا. ياشاشتىكى مەقسىتىممۇ شۇ.
— ئاللا رەھمەت قىلسۇن، ئوغلوم، — دېدى بەگتۆمۈر روھلانغان ھالدا، — ئوردىدا كاتتا مەنسەپدار بولغانلىرىدىن ھەم سۆيۈنگەن، ھەم ئەنسىرىگەنئىدىم. سۆيۈنگەن يېرىم: ئەلىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئەلگە تونۇلىدىغانلىقلىرى ئىدى. ئەنسىرىگەن يېرىم: سۆخەنچى، كاززاپ ئاتىلىپ قېلىشلىرى ئىدى. بۇ ۋاقىتقا قەدەر خىزمەتلىرىدىن ئەلىنمۇ، يېقىنمۇ سۆيۈندۈرۈپ كەلدىلا. سۆخەنچى، كاززاپ ئاتىلىپ قالمىدىلا، بالام. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللادىن ناھايىتى مىننەتدارمەن. جەڭدە قازا قىلغان ئىككى ئاكىلىرىنىڭ يوقلۇقىنىمۇ بىلدۈرمىدىلا.
— ئىشەنچلىرىگە داغ چۈشۈرمەيمەن، ئاتا. — سىلىدىن خاتىرجەم بولدۇم، بالام. ئاتا بىلەن بالا بىر - بىرىگە مېھرى بىلەن تىكىلىپ سۈكۈت قىلىشتى. — ئەمدى بالام، بايقا گېپىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. — ئەگەر سىلى ئاڭلاشقا خۇشتار بولسىلا، سۆزۈمنى داۋام ئېتەي، ئاتا. يۈسۈپ قادىرجان خوتەندە غەلىبە تويىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، ناسىر ئېلىكخان غەزنەۋىيلەر بىلەن جەڭ قىلىپ مەغلۇپ بوپتۇ. بۇ چاغدا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن يۈسۈپ قادىرخان ئەھمەد توغانخانغا چاپارمەن ئەۋەتىپ، بىرلىشىپ غەزنەۋىيلەرگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىپتۇ. ئەھمەد توغانخان مەنىسىزلىك قىلىپ جاۋاب قايتۇرماپتۇ. يۈسۈپ قادىرخان ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ناسىر ئېلىكخان بىلەن ئۆزكەنتتە ئۇچرىشىپتۇ. ئۇلار بىرلىشىپ غەزنەۋىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، قاراخانىيلار زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. بىراق، ناسىر ئېلىكخان كېسەل بولۇپ ئۆزكەنتتە قازا قىپتۇ. ئەھمەد توغانخان كىچىك ئىنىسى مەنسۇر ئېلىكخاننى چوك ئىنىسى ناسىر ئېلىكخاننىڭ ئورنىغا ماۋەرائۇننەھرگە باش ئەمىر قىلىپ تەيىنلەپتۇ ھەم «ئارسلانخان» ئۇنۋانىنى بېرىپتۇ. ئۇ ئىنىسى بىلەن بىرلىشىپ، يۈسۈپ قادىرخاننى چەتكە قاققانىكەن. بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشنى خوپ كۆرمىگەن يۈسۈپ قادىرخان ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قەشقەر دىيارىغا يېتىپ كەپتۇ. — ھە، ئەمدى ئېسىمگە چۈشتى، بالام. مەرھۇم ناسىر ئېلىكخاننىڭ لەشكەرلىرىگە سۇباشى بولغان بەگۇقا بوۋىلىرىمۇ شۇ چاغدا يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەنكەن. بۇنى ئۆزى دەپ بەرگەنىدى. كېيىن بىزنى دەپ بالاساغۇنغا كېلىۋاتقاندا، ئەھمەد توغانخان تەكلىپ قىلسىمۇ ئوردىدا ئىشلىگىلى ئۇنىمىغانىدى. — رەھمەتلىك بوۋام ئونىڭ قارارىنى توغرا دەپتۇ.
— شۇنداق ئوغلوم، قارا نىيەت كىشىلەردىن ئاخىرقى ھېسابتا ھەممە ئادەم قاچىدۇ. — قىتانلار دىيارىمىزغا باستۇرۇپ كەلگەندە، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ ئەھمەد توغانخانغا ياردەملىشىشلىكى سەۋەبمۇ ئەنە شۇ بولسا كېرەك، ئاتا. ئوردىدىكى خالىس ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەھمەد توغانخان لەشكەرلىرى مەغلۇپ بولغان تەقدىردە، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ ھەرگىز قاراپ تۇرمايدىكەن. — شۇنداق بولمامدىغان بالام، ئۇ تەخت ۋارىسى تامغاچ بۇغراخان — دە. — ئەھمەد توغانخان قىتانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۇنياغا سىغماي قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. تۈنۈگۈن ئۇ «يۈسۈپ قادىرخان مېنىڭ مەغلۇپ بولۇشۇمنى كۈتۈپ، ئوردۇكەنتتىن مىدىرلىمىدى. ئۇ مەندىن تەختنى تارتىۋالماقچى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق مەن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قىلىچنى تارتىۋېلىشىم كېرەك» دەپ جار سالدى، يۇغرۇش بولۇنبەگ، قاپۇقچى بېشى دۇقاقبەگ، خاس نۆكەر بوزاغۇ قاتارلىقلار «شان — شەرەپ ئالىيلىرىغا مەنسۇپ. لەشكىرى تارتىپ بېرىپ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەدىپىنى بېرىش كېرەك» دەپ يەڭ شىمايلاپ چىقىشتى. مەن يۈسۈپ قادىرخان بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ ئۆتۈشنىڭ — ئېلىنىڭ ئامانلىقى، خاندانلىقنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مەملىكەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى شۇنچە چۈشەندۈرگەن بولساممۇ، بۇغرا قاراخان نىيىتىدىن يانمىدى. «ئۆزۈڭنى بىلىپ سۆزلە، مېنىڭ دېگىنىم دېگەن! ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇنداق مەيدانلىق قىلساڭ ئاغچى ئۇلۇغى بولالماي قالىسەن، كاللاڭمۇ كېتىدۇ»، دەپ تەھدىت قىلدى. قاتتىق ئازار يېدىم، ئاتا. مالال بولمىسەمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ، — رەيھاندىن سۆزدىن توختاپ ئويغا پاتتى. — بالام، «پادىشاھنىڭ ئاغزى ئوت، ئېھتىيات قىلمىساڭ
87
كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. پادىشاھنىڭ قولىدا قىلىچ بار، سەگەك بولمىساڭ چېپىپ تاشلايدۇ» دېگەن گەپ بار. بالام، ئېھتىيات قىلغىن، — دېدى ئەنسىرەپ قالغان بەگتۆمۈر.
— ئېھتىيات قىلىمەن، ئاتا، تۇغانخان قەشقەرگە لەشكەر تارتىپ بېرىپ قان تۆكىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا قېرىنداش شاھزادىلەر بىر — بىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا قالماي، يۇرتداشلارمۇ بىر — بىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. بۇ خانىدانلىقنى پارچىلايدۇ، گۇمران قىلىۋېتىدۇ، ئەلدە بالايىئاپەت يۈز بېرىدۇ.
— بەرھەق بالام، بەرھەق. ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلارلا.
— شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدۇ، ئاتا.
تۆتىنچى باب
تۆرتىنچى باب: ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ئەجەل
1
بۇغرا قاراخان ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغقانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى تۇرىدىغان كاتتا قورۇ ئوردىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق ئىچىدە بولۇپ، ئېگىز خىش تام ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى ئىشىكى بار ئىدى. غەرب تەرەپتىكى كۈمۈش ھالقىلىق ئىشىكتىن خاقان، خانىشلار، شاھزادە، مەلىكىلەر، مۇلازىم، كېنىزەكلەر، خاس ياساۋۇللار كىرىپ چىقاتتى. شەرق تەرەپتىكى مىس ھالقىلىق ئىشىكتىن ئەر - ئايال خىزمەتكارلار، قۇل - دېدەكلەر، ياساۋۇل، قاراۋۇللار، بۇغرا قاراخان چاقىرتقان دۆلەت ئەربابلىرى قەدەم تەشرىپ قىلاتتى ۋە ياناتتى. گۈرزە - نەيزە تۇتقان قاراۋۇللار كېچە - كۈندۈز كۆز ئاچمۇچ قىلاتتى. ھارۇن بۇغراخاندىن قالغان بۇ كاتتا قورۇ «ھەرەم» دەپ ئاتىلاتتى. ھەرەمنىڭ ھويلىسى ناھايىتى كەڭتاشا ئىدى. ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆل، ئوڭدا بۇغرا قاراخان قەسرى، ئىككى ياندا ئېلىكخان، ئارسلانخان، تېگىنلەرنىڭ قەسرىلىرى بار ئىدى. ھەربىر قەسرنىڭ ھويلىسى، ئاشخانا، ھامماملىرى ئايرىم ئىدى. بۇ قەسردىكى ئۆيلەر ئىچىدە خاقان ھۇجرىسى بىلەن بۇغراخان مېھمانخانىسى ئەڭ كۆركەم ياسالغانىدى. ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئىشىكلەرگە كۆك بۆرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەنىدى. دېرىزە راملىرى كۈمۈشتىن ياسالغان بولۇپ، سۇس ھاۋا رەڭ يىپەك رەختتىن پەردىلەر تارتىلغانىدى.
تاملاردىكى نەقىش چىكىلگەن ئويۇق - تەگچىلەر نەپىسلىكى بىلەن ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى.
بۈگۈن كۈن قىزىرىپ قالغان بولسىمۇ، خاقان ھۇجرىسىدىكى كۈمۈش قەندىللەرگە ئېسىلغان شام - چىراغلار تېخىچە ئۆچۈرۈلمىگەنىدى. بۇغرا قاراخان خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. يېنىدا سۇنايلىنىپ ياتقان كۈمۈش تارىم ئانانتا يا قوپۇپ شام - چىراغلارنى ئۆچۈرۈۋېتەلمەي، يا خاقاننى ئويغىتالماي، يالاڭ جەينىكىنى تېكىپ، قۇندۇز چاچلىق بېشىنى ئالىقىنىغا تىرەپ ئولتۇراتتى. تۇغانخان ھەر قېتىم خورەك تارتىپ تىنىغاندا تۈكلۈك مەيدىسى بىر كۆتۈرۈلۈپ پەسلىيەتتى. قارلىغاچ قاناتسىمان ئەگمەچ كەلگەن سارغۇچ بۇرۇتى قىرقىلغان ساقىلىغا قوشۇلۇپ كەتكەنىدى. ئانانتا رۇسلىنىپ، قولىنى ئېرىنىڭ مەيدىسىگە تەگكۈزمەكچى بولۇپ يەنە تارتىۋالدى. «نېمىشقا ئويغىتىۋەتسەم مەيلى!» دەپ كۆتۈرگىنىچە ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىشتىن قورقاتتى. ئۇ خان ئەۋلادى ئەمەس ئىدى. ئۇ قەشقەرلىك باي سودىگەرنىڭ قىزى بولۇپ، ئاتىسى ئۈچ دېدەك بىلەن تۇغانخانغا تارتۇق قىلغانىدى. بۇ قەلەم قاش، غونچە بوي لەۋەن قىزغا كۆزى چۈشكەن تۇغانخان ئۇنى چۆرىلىككە تاللاپ، كېيىن تۆتىنچى خوتۇنى قىلىپ كۈمۈش تارىم، دەپ ئاتاپ خانىشلىققا كۆتۈرگەنىدى. ناز - كەرەشمىسى بىلەن تۇغانخاننىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغاچ، بۇ چاغقىچە ھەرەمدىن ھەيدەلمەي، ئورنى ئالماشتۇرۇلماي كېلىۋاتاتتى، لېكىن مىجەزى چۇرس، دېۋەك ئادەمنىڭ تىل - تايىقىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنىدى. ياخشى كۆرسىمۇ، ناز - كەرەشمىسى خۇمار قىلسىمۇ، تۇغانخان كۆڭلى قانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قوپال تېگەتتى. خۇددى گۆدەك بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ - ئويناپ تاشلاپ قويغاندەك، ئۇ بەزىدە بىرنەچچە ھەپتە كارى بولمايتتى.
مۇشۇ دەمدە بۇ نازىنىڭ ئىسسىق پۇتلىرىنى ئاستا يىغىپ شايى تامبىلىنى ئاستا كىيىپ، باغرىدىكى كۆكسىگە تاقىۋالدى.
دەل شۇ چاغدا، جەينىكى تۇغانخاننىڭ گۆشلۈك ئېڭىكىگە تېگىپ كەتتى.
— قانجۇق! شېرىن ئۇيقۇمنى ئەجەپ بۇزۇۋەتتىڭا! — دېدى ئۇ بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ بېلىدىن قاماللاپ. ئانانتا خۇددى چەۋەنداز قولىدىكى ئوغلاندەك تىپىرلىدى.
— كەچۈرسىلە خاقانىم، — پىچىرلىدى ئوستىخانلىرى ئاغرىپ كەتكەن كۈمۈش تارىم. بۇتا كۆزلىرى يۇغان ئېچىلغان ئانانتا ئېلىپ قارىغان خاقانغا شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتىكى، ياتقان ھالدا ئۇنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈۋالدى. ئۇ نازلىنىپ پىسقىدە كۈلگەندە، ئالىمىدەك مەڭزىنىڭ ئاستىدا غۇنچە پورەكتەك زىنىخ پەيدا بولدى.
— كاساپەت! — تۇغانخان ئۇنى يېنىغا قويۇپ ھەممە كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتتى، باغرىداقىنى بىرلا تارتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى، قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈپ تۆكلۈك مەيدىسىگە بېسىپ بىر پەس ھۇزۇرلاندى، ئاندىن:
— تۇرۇپ سۇ تەييارلات! — دەپ ئۈستىدىن ئىتتىرىپ يۆمىلىتۋەتتى.
— باش ئۈستىگە خاقانىم، — ئۆمىلەپ قوپۇپ ئىچ كىيىمىنى ئالدىراپ كىيگەن ئانانتا ئۆيدىن ئىتتىك چىقىپ كەتتى.
تۇغانخان ئۈچ نەرسىگە: چاپچىپ تۇرىدىغان ئۇچقۇر ئات، كۈچلۈك شاراب، نازىنىن ئايالغا بەسيار ھېرىس ئىدى.
ئۇ ئاتقا مىنگەندە كۆزلىرى قانغا تولۇپ، ھېچنېمىدىن قورقماس باتۇرغا ئايلىناتتى. لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا قىلىچ ئوينىتىپ ماڭسا، ئۇنى دۈشمەنلەر زادى توسۇپ قالالمايتتى. ئالدىغا كەلگەننى چېپىپ، ئومۇت بىلەن ئۇرۇپ سۈر - توقاي قىلاتتى. بولۇپمۇ، قىتانلار بىلەن بولغان جەڭدە ئۇنىڭ داڭقى چىققانىدى. غەلىبە ئۈستىگە نۇرغۇن ئولجا، ئەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگىنى ئۈچۈن كۆرەڭلەپ كەتكەن تۇغانخان تېرىسىگە پاتماي
قالغانىدى. ئۇنىڭ ئالماشتۇرۇپ مىنىدىغان قىرىق ئېتى بولۇپ، كۆڭلىگە سەللا ياقمىغان ئاتنى دەرھال يەڭگۈشلەيتتى.
شاراب ئىچكەندە، باشقىلار جام بىلەن ئىچسە، ئۇ خۇمرا بىلەن ئىچەتتى. كۆزلىرى بەقەمدەك قىزىرىپ ئادەملىك قېلىپىدىن چىقىپ كېتەتتى. ئۇرۇپ - چىقىپ، توۋلاپ ئوردىنى بېشىغا كىيەتتى. مانا شۇنداق مەست بولغان چېغىدا، كەچۈرۈشكە بولمايدىغان گۇناھكارلارنى كەچۈرۈپ، ئۆلتۈرۈشكە بولمايدىغان پاراسەت ئىگىلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋېتەتتى. بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ ئىنئام ئالاتتى.
ئۇنىڭ خانىش ھېسابلىنىدىغان تۆت خوتۇنىدىن باشقا، يىگىرمىدىن ئارتۇق چۆرىسى بار ئىدى. بۇ چۆرىلەرنى ئايمۇئاي يەڭگۈشلەپ تۇراتتى. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي دەللاللارنى ھەرقايسى جايلارغا ئەۋەتىپ گۈزەل قىز - چوكانلارنى ئوۋلايتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق قارام، دېگىنىنى قىلىدىغان كۆرەڭ ئادەم ئىدى.
ئانىنتائا ھاممامغا ئوت ياققۇزۇپ كىرگەندە، توغانخان چېقىر كۆزلىرىنى گۈلدار تورۇسقا تىكىپ نېمىنىدۇر خىيال قىلىپ ياتاتتى.
— خاقانىم، ھاممام تەييار بولدى.
— ھەرەمبەككە ئېيت، كىيىملىرىمنى تەييار قىلسۇن. ئاشچى باشىغا بۇيرۇغىن، تامغالىق①نى تەييارلاپ ئېلىپ كىرسۇن، — دەپ ئورنىدىن تۇرغان توغانخان ئاق كىرلىككە ئورىنىپ ھاممامغا چىقتى. يۇغان داسقا قۇيۇلغان ئىسسىق سۇ ئۇنىڭغا خوش ياقتى.
ئانىنتائا ئۇنىڭ تۈكلۈك بەدىنىنى يۇمشاق قوللىرى بىلەن سىلاپ يۇيۇپ راھەتلەندۈردى.
توغانخان كىيىنىپ ھاممامدىن چىققاندا چاشكا ۋاقتى بولغانىدى. بوينىنىڭ پاكارلىقىدىن غىلدىرلاقەك پايپاسلاپ
① تامغالىق — قاراخان ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان تاماق.
كەلگەن ھەرەمبېگى ئىنالچۇق يەر ئۆپۈپ دېدى: — ئۇلۇغ خاقانىم، مەنسۇر ئېلىكخان ۋە يۇغرۇش ھەزرەتلىرى كەلگەنكەن، تەكىيىخانىدا قالدى. — قايسى يۇغرۇش ئىكەن؟ — بولۇنبەگ. — تۇرۇپ تۇرسۇن، تاماقلىق يەپ چىقىمەن. — خۇپ ئالىيلىرى. تۇغانخان تاماق يەيدىغان خانىغا كىرىپ ئۈچ قات سېلىنغان كىمخاب يەكتەندازدا ئولتۇرۇپ، ئۈست — ئۈستىگە قويۇلغان مامۇق ياستۇققا يۆلەندى. ئاشپېزى بېشى ئۆزى كىرىپ داستىخان سالدى. ئېلىپ كىرىلگەن ئىسسىق قاتلىما، ئۆلەر گۆشى سېلىنغان شورپا، قوچقارنىڭ سان گۆشى، قېتىق، قايماق، سۈزمە، سېرىق ماي، ھەسەل، يەل — يېمىش قاتارلىق يەيدىغان، ئىچىدىغان تائاملار داستىخانغا قويۇلدى. تۇغانخان تاماقنى ئېتتىك يېدى. ئۇ زىياپەتلەردە يەيدىغاننى يەپ بولۇپ قولىنى ئېرتىپ ئولتۇرغاندا، باشقىلار داستىخانغا قول ئۇزارتىشقا جۈرئەت قىلالماي ئاچ قورساق قالاتتى. ئۇ ئالدىدىكى نېمىلەرنى تېز يەپ، تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى سىلاپ — سىلاپ ئورنىدىن تۇردى. جامەدار سۇنغان قىزىل گۆھەر قويۇلغان تاج بىلەن مىسىر شايىسىدىن تىكىلگەن زەر چوپانلىق توننى كىيىپ، ئالتۇن كەمەرنى چىڭ باغلىدى. قىلىچ بىلەن خەنجەرنى ئېسىپ قەسىر ھويلىسىغا چىقتى. گۈلزارلىق ئەتراپىدا قول قوشۇشتۇرۇپ تۇرغان خاس نۆكەر، مۇلازىملار تىزلىنىپ سالام بەجا كەلتۈرۈشتى. ئۇ ھېچ تەرەپكە كۆز سالماي، دۆلەت ئەربابلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان يېشىل كاشىنلىق ھەرەم تەكىيىخانىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇغرا قاراخاننىڭ كېلىۋاتقىنىنى دەرۋازىدىن كۆرۈشكەن مەنسۇر ئېلىكخان، بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر ئېتتىك ئالدىغا چىقتى.
① تەكىيىخانا — مېھمانخانا.
— خاقانىمىز ئامان بولغاي، — تېز پۈكۈپ سالام قىلىشتى ئۇلار.
— ھە، كەلدىڭلارمۇ؟ — دېدى تۇغانخان ئاۋۋال ئىنىسىغا، ئاندىن ۋەزىر بىلەن ئىشىكبېگىگە سوغۇق نەزەر تاشلاپ.
«خاقاننىڭ مەستلىكى تازا يېشىلمىگەن ئوخشايدۇ، ئۇنى قەشقەرگە يۈرۈش قىلىش قارارىدىن ھەرگىز ۋاز كەچتۈرمەسلىك كېرەك» دەپ ئويلىدى بولۇنبەگ تېكىخانىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ.
تۇغانخان ئازادە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆينىڭ تۆرىدىكى كۈمۈش پايىلىق، ئالتۇن قۇببىلىك تەختتە ئولتۇرماي، دېرىزە ئالدىدىكى تېللا يىپەك بېسىلغان سەندەل ئىچىگە پۇتىنى ئۇزىتىپ ياستۇققا يۆلەنگەندى. ئوڭ تەرىپىدىن مەنسۇر ئېلىكخان، سول تەرىپىدىن بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر ئورۇن ئالدى.
— شاراب كەلتۈرۈلسۇن! — بۇيرۇدى تۇغانخان. ئۇ ئاغرىۋاتقان بېشىغا دورا كار قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىر ياندا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغان تېكىخانا باشلىقى ئۇچقاندەك چىقىپ، تەييارلاپ قويغان بىر خۇمرا شاراب بىلەن بۆدۈنە كاۋىپى ئېلىپ كىرىپ داستىخان سېلىنغان سەندەل ئۈستىگە قويدى. تۇغانخان «ھەم!» دەپ بولۇنبەگكە خۇمرىنى ئىشارەت قىلدى. ۋەزىر دەرھال ئالتۇن قەدەھكە تولدۇرۇپ شاراب قويۇپ تۇتتى، كۈمۈش قەدەھلەرگە تولدۇرۇپ مەنسۇر ئېلىكخان، دوقاقبەگلەرگە سۇندى.
— ئاۋۋال شاراب بىلەن مېڭىمىزنى سەگىتەيلى — ھە، قېنى! — دەپ بىرلا كۆتۈرۈشتە قەدەھنى قۇرۇقدىدى تۇغانخان، ئۇنىڭ باش ئاغرىقى پەسەيگەندەك بولۇپ، ساقاللىق يۈزىدە كۈلكە نامايان بولدى. سورۇن تەلتۆكۈس خاقان شاراب ئىچىشلا خوشخۇيلىشىپ قالاتتى.
— جاناپلار، — دېدى ئۇ ئىككىنچى قەدەھنى قولىغا ئېلىپ، — تۈنۈگۈن بۇغرا قاراخان سارىيىدا بولغان تايانچۇلار كېڭىشىدە،
كۆپچىلىك مېنىڭ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىش قارارىمنى قوللىغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم يۇغرۇش، ھاجىپلار قارشى چىقتى. دېمەك، بۇ ماڭا ناقابىل ئەبلەھلەرنىڭ ئوردىمىزدا بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنداق قوينىدا خەنجەر يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈزكورلارغا ئەمدى سۈكۈت قىلالمايمەن! ئۇ قەدەھنى يەنە بوشاتتى.
بەرھەق، ئاغا. ئالىيلىرى قىتانلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا، بەزى يۇغرۇش، ھاجىپلىرىمىز يۈسۈپ قادىرخانغا چاپان يېپىپ، ئۇنىڭ جەڭگە قاتناشمىغانلىقىنى ئاقلىغانىدى. تۈنۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا تېپ تارتماستىن دانا قارارلىرىغا قارشى چىقتى. سىلى بەك كەڭ قورساق، ئاغا، دېدى مەنسۇرخان ئۇنىڭ ئاچچىقىنى قاينىتىپ. كۆڭلىدە: «سەن يۈسۈپ قادىرخاننى يېڭەلەمسەن؟ بۇنى خۇدا بىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى يېڭمەكچى بولساڭ غەزنەۋىلەر خانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭ زۆرۈر…» دەپ ئويلىدى.
ئى شاھى جاھان، ھاكىمى دەۋران، ئېبلىكخان ئالىيلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى بەرھەق. دەرھال يۈسۈپ قادىرخانغا جازا يۈرۈشى قىلىش كېرەك. قارلۇق قەبىلىلىرى ھەزرەتلىرىگە جان پىدا قىلىدۇ، بولۇنبەگ ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، بېشىنى ئەگدى.
يەنە لا ھەممىمىزدىن ئۆزلىرى دانا، خاقان ئالىيلىرى، باش سېلىپ ئولتۇرغان دوقاقبەگ پۇشۇلداپ تىندىپ ئېغىز ئاچتى، يۈسۈپ قادىرخان ئۆتەر يوللاردىكى يولۋاس. ئۇ بولىدىكەن، تاجوۋتەختلىرى بىخەتەر، كۆڭۈللىرى ئەمىن بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىدىغانلار قەشقەر دىيارىدىلا ئەمەس، بارسغان، تاشكەنت، سەمەرقەنت، ئۆزكەنتتىمۇ بار. ئاۋۋال قوزغۇلاڭدىكى ئادەملىرىنى كۆزدىن يوقىتىپ، ئاندىن ئاتلىنىش كېرەك.
— سىزنىڭچە بولغاندا قاپۇقچى بېشى، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن دە، ناھايىتىكى، مەندەك ئۇلۇغ خاقاننىڭ كۈچى يەتمىسە ھە! ئون تۈمەن لەشكەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان قىتانلارنى يەڭگەن يەردە، يۈسۈپ قادىرخاننى يېڭەلمەمدىم؟ — توغانخان ئاچچىقى كەلگىنىدىن پۇقاندەك ئېسىلىپ، ئالتۇن جامنى يەرگە سېقىپ ماكچايتىپ قويدى. ئاكسىغا قارىغان ئېلىكخاننىڭ ئاقۇچ يۈزى سارغىيىپ كەتتى. بولۇنبەگنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ زۇۋانغا سۈرەلمەي قالدى. دوقاقبەگلا ھېچنېمە بولمىغاندەك بەخىرامان ئولتۇرۇۋەردى.
— خاقانىم، قەشقەرگە ھازىرلا يۈرۈش قىلىمىز دېسىلە، مانا مەن تەييار، — ئورنىدىن قوپقان دوقاقبەگ قول باغلاپ تۇردى.
مۇلازىم تېزلىنىپ مېڭىپ كەلگۈنچە يېڭى قەدەھنى قويۇپ، مىجىلغان قەدەھنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
— ئى شاھى جاھان، ھاكىمى دەۋران، قاپۇقچى بېشى ئېيتقاندەك پەرمانلىرىغا مۇنتەزىرمىز، — بولۇنبەگ سورۇن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگەن توغانخانغا قەدەھ تۇتتى، — غەلىبە ئالىيلىرىغا مەنسۇپ.
— بۇغراخان ئاغا، قاپۇقچى بېشى ھەقىقەتنى سۆزلىدى. ئۇ ئالغا بېسىشىمىز ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان قورام تاشلارنى يولىمىزدىن ئېلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ، — دېدى مەنسۇر ئېلىكخان شاراب قويۇلغان جامغا قول ئۇزارتىپ.
— ئۇ قورام تاشلار زادى كىم؟ — بىر كۆتۈرۈشتە قەدەھنى بوشاتقان توغانخان قەھرى بىلەن سورىدى.
— بۇنى يۇغرۇش جانابلىرى ئوبدان بىلىدۇ، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاقۇتىگە سەل قارىمايدىغان مەنسۇر ئېلىكخان بولۇنبەگنى سۆزلەشكە قىستىدى.
— ھە، قېنى يۇغرۇش، دەڭ، كىملەر ئۇ؟
— خاقانىم، بۇنى قاپۇقچى بېشى مەندىن ئوبدانراق بىلىدۇ، — دەپ دوقاقبەگنى سۆزلىتىپ، باشقىلارغا يامان بولۇشتىن ئۆزىنى
قاچۇرۇشقا ئۇرۇندى بولۇنبەگ.
— يوغۇرۇش جانابلىرى، سىزدىن مەن ئوبدانراق بىلىمەنمەن، سىز بىلىمسىز، بۇ گەپ راستمو؟ — سونى لېپىتىپ بېلىق تۇتۇشقا ئۆگەنگەن دوقاقبەگ بوش كەلمەي، جاۋاب بېرىش تەس بولغان سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى، — بۇغرا قاراخان ئاتىمىز قىتانلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا، يۈسۈپ قادىرخاننى ئاقلاپ، ئۇنىڭغا قانات ياپقان كىشىنى راستلا تونۇمامسىز؟ «تەخت ۋارىسى» بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتقا قەدەر بۇغرا قاراخان توغانخاننىڭ ئۆمەر — پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ لەشكەر چىقارمىغانلىقىغا قاراپ ئاسىلىق قىلدى، دەپ قارىساق، ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان بولىمىز، دېگەن سۆزنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ بۇ گەپ بولۇنغان تايانچۇلار كېڭىشىگە سىز قاتناشمىغانمۇ؟ مەن ھەممىنى بىلىمەن. لېكىن، جانابلىرى يوغۇرۇش بېشى تۇرۇقلۇق ئۈندىمەي تۇرۇۋالسلا، مەن سۆزلىسەم توغرا بولارمو؟
— بۇنىڭغا نېمە دەيسىز يوغۇرۇش ياكى سۆزلەشنى خالىمامسىز؟ — توغانخان دوقاقبەگنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ بولۇنبەگكە قادالدى، — سىزگە ئىشەنگەنلىكىم، ئوردا ئىشلىرىغا كۆز — قۇلاق بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ئۆزۈمگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ياردەم قىلىدۇ، دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەي، قالدۇرۇپ قويغانلىقىمنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. ھە، قېنى سۆزلەڭ.
— ئۇلۇغ خاقان ئالىيلىرى، ئىشەنجىڭىزگە ھەرگىز داغ چۈشۈرمەيمەن. سۆزلىمەي ھەددېممو، — بولۇنبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى، — يۈسۈپ قادىرخاننى ياقلايدىغان ئوردا ئەربابلىرى خېلى بار. تېگىنلەر، يابغۇلار، بەگ — سەردارلار ئىچىدىمۇ بار. بۇلار ئىچىدە ئاغىچى ئۇلۇغى رەيھان بېگ، چاغرىبېگ ئادام توغرۇل، ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد باغدادى، داموللا بەگتاش ئابدۇللا، ئىنائچۇق تېگىن،
يۇغۇرۇش تىلتىمۇرلارنى كۆرسىتىش كۆپىيە.
— ئاغىچى ئۇلۇغى قانداق بولۇپ يۈسۈپ قادىرخانغا قانات ياپىدۇ؟ ئۇ مەن تەختكە چىققاندىن بېرى، خانلىقىمىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن داۋاملىق ياردەم بېرىپ كەلگەن تۇرسا، — ئىشىنىمىگەندەك قىلىپ قولىنى سىلكىدى تۇغانخان، — سىز كۆرسىتىپ ئۆتكەن زاتلار بۈگۈنگە قەدەر گاھى يوشۇرۇن، گاھى ئاشكارا ھەرىكەتتە بولغىنى يوق، بەلكى خانلىقىمىزغا سادىق بولۇپ كەلمەكتە.
— ئارى خاقانىم، رەيھاندىنبەگ ناھايىتى بىلىملىك زاتتۇر، خانلىقىمىزغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقىنى راست، لېكىن يۈسۈپ قادىرخاننى قوللايدىغانلىقىمۇ راست. مانا، ئېلىكخان ئالىملىرى، قاپۇغچى بېشى ئۆلتۈرۈپتۇ، يالغان ئېيتمىدىم، — بولۇنبەگ ئىككىلىنىنى گۇۋاھلىققا تارتىپ سۆزىنى توختاتتى.
— ئىنىم، سىزمۇ شۇنداق قارامسىز؟ — تۇغانخان بىر كۆزىنى سەل قىسىپ سىناق نەزىرىدە تىكىلدى.
— خاقان ئاغا، ئاغىچى ئۇلۇغ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئادەم. ئۇنىڭ يۈسۈپ قادىرخاننى تەخت ۋارىسى دېگىنى راست.
— ئۇنداق بولسا رەيھاندىنبەگ نېمە ئۈچۈن ماڭا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ؟
— ساداقەتسىزلىك قىلىشقا كۆز ئالدىلىرىدا قانداقمۇ پېتىنالىسۇن؟ — دېدى دوقاقبەگ، — ئاغىچى ئۇلۇغنىڭ خەۋپلىك ئادەم ئىكەنلىكى شۇ ئىكەنكى، ئۇ ناھايىتى قەيسەر، چارە — تەدبىرلىك، ئاتىسى بىلەن يەتتە ئىقلىمنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى، ھەمدى — ھېسابسىز بايلىق توپلىدى، قولى يەتەمەيدىغان ئېگىز شاخمۇ قالمىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، ئۈستەلك، ئېرىق، كۆل چاپتۇردى، يول ياساتتى، مەكتەپ، مەسچىت بىنا قىلدى. يېتىم — يېسىرلارغا ئىتتىپاقچىلىق قىلدى. ھەتتا ئالىملىرى، ئېلىكخان، ئارسلانخان، تېگىنلەر ئالدىدىمۇ مەرد، سېخىيلىقى بىلەن زور ئابرۇي قازاندى. شۇڭا، ئوچۇقتىن —
ئۇچۇق يۈسۈپ قادىرخاننى قوللاپ چىقالىدى. ئۇنىڭغا يول قويۇۋېرىدىغان بولسىلىرى تەختتىن ئايرىلىپ قالىلا، دېگەن مەھەللىدە سۆزىنى توختاتقان قاپۇقچى بېشى قوشۇپ قويدى، ئۇ يەنە شۇنداق ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ قويۇپ بېرىپ، بىلمەسلىككە سېلىپ يۈرىدىغان مەككار.
نېمە؟ مەككار دېدىڭىزمۇ؟ تۇغانخاننىڭ چىرايى يەنە سۈرۈن تۇس ئالدى، ئەمما، مەن رەيھاندىنبەگنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلانماي كېلىۋاتىمەن. ئەگەر ئۇ خەلق ئىچىدە شۇنداق زور ئابرۇي قازانمىغان ۋە ئىشىمىزگە يارىشىمىگەن بولسا ھاجىپ بولالمايتتى. ئاغىچى ئۇلۇغى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكىتىمىزنىڭ كىرىم چىقىمىنى ئۇنىڭ خەلقپەرۋەرلىكى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرمىغانىدىم. ئۇنى مەككار دېيىش توغرا ئەمەس. سىزدىن باشقا كىشى شۇنداق دېگەن بولسا، چاينىغان تىلىنى كېسىۋەتەتتىم، قاپۇقچى بېشى.
خاقانىم، دوقاقبەگ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تۈزلەندى، ئەگەر رەيھاندىنبەگ شۇنچە ئىشەنچلىك بولسا، مېنى جازالىسىلا.
شاھىنشاھ ئاغا، ئەگەر ئەلدىن ساداقەتمەن كىشىنى ئىزدەسىلە، قاپۇقچى بېشىدىن ئۆتەر ساداقەتمەن كىشى تېپىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدا قىلچە يالغان يوق، دېدى مەنسۇر ئېلىكخان.
دۇنيادا ئالىيلىرىدەك ئادىل، دانا پادىشاھ يوق، دېدى بولۇنبەگ مۇغەمبەر كۈلكىسى دەمقىدا خىرىلداپ، قاپۇقچى بېشى ئۆزلىرى ئۈچۈن جېنىنى بېرىشكە رازىكى، سىلىنىڭ بىر لاتىپۇرۇشنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشلىرىگە رازى ئەمەس.
شۇنداقمۇ؟ ئاچچىقىدىن سەل يانغان تۇغانخان دوقاقبەگنى ئورنىدىن تۇرۇشقا قولى بىلەن ئىشارەت قىلدى، گەپلىرىڭلارغا قارىغاندا ھەممىڭلار رەيھاندىنبەگدىن
گۇمانلىنىدىكەنسىلەر. مېنىڭ ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشىمنى قوللايدىكەنسىلەر. ئاغىچى ئۇلۇغنىڭ ئىشىنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار، بۇ توغرۇلۇق ئارتۇقچە گەپ - سۆز قىلىپ يۈرمەڭلار. پېشەسبولۇغلاركى، ھەرقايسى ئايماق - قەبىلىلەردىن يۈرۈش قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلار چىقىپ قالمىسۇن. بەس، قايتساڭلار بولىدۇ!
- خۇپ، خاقان ئاغا.
- باش ئۈستىگە، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى. مەنسۇر ئېلىكخان دوقابەگ، بولۇنبەگلەر بىلەن ئارقىسىچە مېڭىپ چىقىپ كېتىشتى. تۇغانخان ئۆزىنىڭ قەتئىي قارارىغا نىسبەتەن، بۇ ئۈچەيلەندىن كۈتكەندەك قوللاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، رەيھاندىن توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ يۈز - خاتىر قىلماستىن دېگەنلىرى خۇش بولغان كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويدى. ئۇ يالغۇز قالغاندىن كېيىن بىر يەرگە چىققۇسى كەلمەي ئولتۇرغىنىچە خىيال سۈردى: «رەيھاندىنبەگ مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يۈسۈپ قادىرخان تەرەپكە ئۆتۈپ كېتەرمۇ - ھە؟ ئانداق بولسا ئۇنىڭ ئوردىدا خىزمەت قىلىشقا رازى بولۇشىدا يامان غەرەزدىن خالىي ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچۇ. ئۇ باشقۇرغاندىن بۇيان دۆلەت خەزىنىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. نىھايىتى ساپ دىللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئاۋام ئىچىدىكى ئابرۇيىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار ھەسەت قىلىۋاتامدۇ يا؟ بۇمۇ يوق ئەمەس. رەيھاندىنبەگ بىلەن بىر سۆزلىشىپ كۆرەي. ئەگەر ئۇنىڭدا ئاسىيلىق قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋە ياكى مېنىڭ ئىرادەمگە مۇخالىپ كېلىدىغان سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ قالسا، كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ «قوۋۇقى كاشغەر»گە ئاستۇرۇپ قويىمەن…» تۇغانخان خاس نۆكىرى قاباتقۇناننى ئاغىچى ئۇلۇغنى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
2
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، ئاغىچى ئۇلۇغى كەلدى، — دەپ خەۋەر قىلدى ھەرەمبېگى ئاداب-ئېھتىرام بىلەن چۆكۈپ.
— كىرسۇن!
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، خاقان ئالىيلىرى، — بەجايىدىكى قەدەم بىلەن كىرىپ كەلگەن رەيھاندىن ئۆزىمۇ ئاۋاز بىلەن سالام بېرىپ تەخت ئالدىدا يۈكۈندى، — خۇشۋاق بولسۇنلار، ئەزىزئانە دەرگاھلىرىغا چاقىرتىشقانكەنلا، خىزمەتلىرىگە تەييارمەن.
— ھە، كەلدىڭىزمۇ ئاغىچى ئۇلۇغى، — تۇغانخان ئونىڭ باشتىن-ئايىغىغا سەپ سېلىپ چىقتى. رەيھاندىن يوللۇق يىپەك رەختتىن يەكتەك، ئاق دوپپا كىيىپ، يېشىل شاھى سەللە ئورىغانىدى. پۇتلىرىدا سىپتا تىكىلگەن يازلىق چورۇق بار ئىدى. چىرايىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. تۇغانخان ئونى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى تەختنىڭ سول تەرىپىدىكى يۆلەنچۈكلۈك كۆرۈشتىن ئورۇن ئالدى.
— ناھايىتى خۇش كۆرۈنىسىز، — دېدى تۇغانخان ئۆ توغرىدىن-توغرىلا سورىدى، — ئوردىكەنتتىن چاپارمەن كەلدىمۇيا؟
— يوقسۇ خاقانىم، ئوردىكەنتتىكى توغقان، يار-بۇرادەرلەردىن يېقىندىن بېرى خەت-خەۋەر يوق. تىنچ-ئامانلىق بولسا كېرەك، — رەيھاندىن خاقاننىڭ توساتتىن بۇنداق سوئال سورىشىدىن غەلىتە ھېس قىلىپ، ئەجەبلىنگەن ھالدا سۆزىنى توختاتتى.
— ئۇنداق بولسا شۇنچە خۇش بولۇشىڭىزدىكى سەۋەبنى دەپ بېرىمۇسىز، ئاغىچى ئۇلۇغى؟
رەيھاندىن خاقاننىڭ بۇ سوئالىدىن تېخىمۇ ئەجەبلەندى. ئىلگىرى چاقىرتىپ كۆرۈشكەندە، بۇنداق غەلىتە سوئاللارنى
101
سورىمايتتى. يا بىرەر ئىشنى قىلىش - قىلماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەتلىشەتتى ياكى باج - سېلىقلارنىڭ خەزىنىگە تاپشۇرۇلۇش ئەھۋالى، كىرىم - چىقىم ئىشلىرى توغرىلىق سورايتتى ياكى بولمىسا دۆلەت ئىشلىرى ھەققىدە چىرايلىق پاراڭلىشاتتى. ئەمما، بۇنداق سوغۇق كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ كەسپىي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتسىز، بولمىغۇر سوئاللارنى سوراپ ئولتۇرمايتتى. بۈگۈن ئۇنىڭغا نېمە بولدىكىنە؟ ئويلىنىپ قالغان رەيھاندىن تۇغانخاننىڭ سوئالىغا ئۆزۈللا جاۋاب بەردى:
- خاقانىم، ھازىر مەن ئۆيدىن كېلىشىم، ھەتتا ئالدىراپ قېلىپ، ئورداغا خاس كىيىملىرىمنى كىيەلمىدىم، تىلى يېڭى چىققان ئوغلىمنى ئەركىلىتىپ ئولتۇراتتىم. ئۇ مېنى «ئاپا!» دەپ توۋلاپ خوشاللىققا چۆمدۈرۈۋەتكەنىدى. مانا شۇ چاغدا قاباتقۇنان كىرىپ كەلدى، شۇڭا ئالدىراپ يولغا چىقتىم.
- ھە، پەرەزەنت كۆرۈپسىز - دە.
- خۇدا تىلىكىمنى ئىجابەت قىلىپ يەنە بىر ئوغۇل پەرەزەنت بەردى، ئارماندا قالمىدىم.
- بۇ ئوغلىڭىزنىڭ ئېتى نېمە؟
- يۈسۈپ.
- يۈسۈپ؟ ئۇيغۇرچە ئات قويمىدىڭىزمۇ؟
- قويغان، ئالىيلىرى. مەرھۇم باھادىر ئوغلىمنىڭ ئورنىنى باسسۇن دەپ بەگتۈرمۈش قويغان.
- مەرھۇم ئوغلىڭىز ئاجايىپ قەھرىمان، ماڭا سادىق، ئەر يىگىت ئىدى. بۇ ئوغلىڭىزمۇ ئەنە شۇنداق ئالىپ، ساداقەتمەن بولارمۇ؟
- ئىنشائاللا خاقانىم، بۇ ئوغلىمىنمۇ ۋەتىنىگە سادىق، ئەلگە پىداكار مەرد ئەزىمەت بولۇپ كامال تېپىشىنى كېچە - كۈندۈز بىر ئاللاھتىن تىلەۋاتىمەن.
- ماڭا سادىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمامسىز؟
- نېمىشقا خاقانىم؟ ئەل - ۋەتىنىگە سادىق بولغان ئەر
خاقانىمۇ سادىق بولىدۇ. — بىلدىم، نىيىتىڭىز دۇرۇس، تىلىكىڭىز يۈكسەك ئىكەن. شۇنداق بولۇشىدىن ئۈمىدۋارمەن، — تۇغانخان تازا ئىشەنمىگەندەك قىلىپ مىيىقىدا كۈلدى، — ئېيتىڭچۇ، سىزنىڭ ئوردىكەنتتە يېقىن تۇغقان — بۇرادەرلىرىڭىز بارمۇ؟ — ئەلۋەتتە بار، ئائىلىلىرى. قېيىنئاتامنىڭ ئىنى — سىڭىللىرى بار، ئۇ يەردە ئاچقان ساراينى باشقۇرۇۋاتقان خىزمەتچىلىرىم بار. — ھە، سىزنىڭ قېيىنئاتىڭىز ئوردىكەنتتىن ئىكەن — دە؟ — شۇنداق ئائىلىلىرى، مەرھۇم ھارۇن بۇغراخان، باغداتتا ئوقۇغان قېيىنئاتامنى قوزئوردۇغا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، — جاۋاب بەردى رەيھاندىن «خاقان ئەجەب ئوردىكەنتتىكى تۇغقانلىرىمنى سۈرۈشتە قىلىپ قالدىغۇ، ئۇ نېمىنى بىلمەكچى؟» دەپ ئويلاپ. — ئوردىكەنتتە سارايىمۇ ئېچىپسىز — دە؟ — ئائىلىنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئاتام ئاچقان ئىكەن. — ئاتىڭىز دۇكان سودىگىرى — دە. قايسى شەھەردە قانداق تىجارەت ئاقىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. مەنۇ تىجارەت ئىشلىرىغا قىزىقىمەن، ئاچقۇچى ئۇلۇغى. سىزنىڭ ئوردىكەنتتىكى ئۇ سارايىڭىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنامدۇ ياكى يولۇچىلار چۈشىدىغان ئۆتەكمۇ؟ — قىزىقىپ سورىدى تۇغانخان. — تىللا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇڭا تىللا سارىيى دەپ ئاتالغان. شۇنداقلا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن يولۇچىلارنىمۇ كۈتۈۋالىدۇ. — ئوھۇي، كاتتا زەردار ئىكەن سىلەر. بۇنداق تىللا سارىيىدىن يەنە قايسى شەھەرلەردە بار؟ — تۇغانخان رەيھاندىن جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن تەختتىن چۈشۈپ، تېكىنخان باشلىقنى چاقىردى. تاماق ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپ قويۇپ، ئۇنى بىللە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلدى، — چۈش بولاي دەپ قاپتۇ، تاماق
يېگەچ پاراڭلىشايلى، دەپ بايقۇ سەندەل يېنىغا بېرىپ باداشقان قۇردى.
رەيھاندىن تۇغانخاننىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ دېدى:
خاقانىم، ئونداق تىللا سارىيىدىن بارسخان، سەمەرقەنت، شاش، مەرۋى، ئۆزكەنت، بۇخارالاردا بار. ھەممىدىن چوڭراقى قۇزئوردىدىكى تىللا سارىيى، ئۆدۈن①، ئىدىقۇت دىيارىدىمۇ تىللا سارىيى ئاچماقچى بولۇۋاتىمىز.
تۇغانخاننىڭ بارغانسېرى تۇتۇق چىرايى ئېچىلىپ، گەپ سۆزلىرى سىلىقلىشىپ قېلىۋاتاتتى.
دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باجمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن دە. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاكاتمۇ بېرىدىغانسىز؟
«بۇنى سوراپ قالدىغۇ، زادى ئۇ نېمىنى بىلمەيتتى، بۇنىڭدا نېمە مۇددىئاسى بارئىكەن؟» رەيھاندىن خىيالچان نەزىرىنى تۇغانخانغا تىكتى:
دۆلەتكە ھەر يىلى رامزان ئېيىدا بىر تۈمەن تىللا، يۈز ئات، مىڭ ئۆكۈز، مىڭ قوي، قىرىق تۆگە تاپشۇرىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، تۆت مىڭ تاغار ئاشلىق، يۈز تاي تاۋار تىللا سودىسى، زېمىن سودىسى، چارۋا مال سودىسىدىن قىلىنغان تاپاۋەتنىڭ قىرىقتىن بىر قىسمىنى، چارۋا مال زېمىندىن ئېلىنغان مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. سودىدا بولغان تاپاۋەتنىڭ قىرىقتىن بىرنى، زېمىندىن ئالغان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرنى زاكات ئۈشرە قىلىپ، يېتىم يېسىر، مىسكىن غېرىبلارغا تارقىتىپ بېرىمىز. مەدرىسە، مەسچىت قۇرۇلۇشى، يول ياساش، كۆۋرۈك ئۆستەڭ چېپىشقا، ھەدىيە قىلىشقا بېساتىمىزدىكى پۇل مېلىمىزدىن ئاجرىتىپ كېلىۋاتىمىز، ئالىيلىرى.
ئاشچى بېشى كىرىپ ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈپ قويدى.
① ئۆدۈن خوتەن.
كەكلىك، قىرغائۇل گۆشى بېسىلغان پولو توغانخاننىڭ ئالدىغا، قوي گۆشى بېسىلغان پولو رەيھانخاننىڭ ئالدىغا قويۇلدى.
— تۇتغۇچ ① ئېلىپ كىرىڭلار، — دېدى مەززىلىك پۇراپ تۇرغان پولوغا قول ئۇزارتىپ توغانخان.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — ئاشپەز بېشى چىقىپ تەت تەخسە ئىشتىھا ئاچقۇنى ئېلىپ كىرىپ داستىخانغا قويدى.
— ھە، قېنى ئېلىڭ، — توغانخان رەيھانخاننى ئاشقا تەكلىپ قىلدى.
— ئەمدى بارىدىغان يېرىمىزگە كېلەيلى. ئېيتىڭا ئاغىچى ئۇلۇغى، قېيىناتىڭىز ياغمىمۇ، قارلۇقمۇ؟
— قېيىناتام ئۇيغۇرلاردىن.
— مۇنداق دەڭ، مەن تېخى ياغما بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن. ئۇيغۇرلار ياغمىلارنى يامان كۆرىدۇ — ھە، بۇنى بىلىدىغانسىز؟
— ياق، خاقانىم، ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىندىشىنى نېمىشقا يامان كۆرسۇن؟ — رەيھانخان گەپنىڭ تەگىدە گەپ بارلىقىنى بىلىپ مۇنداق دېدى، — ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ياغمىلارغا ئەمەل — ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ قويغان ھاللىق شەخسلەر دەرىدىنى ئىچىگە يۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ياغمىلار ئىچىدىكى بەزى ھوقۇقدارلار ئۇيغۇرلارنى پەس كۆرۈپ، ئۇلارنى بوزەك قىلىپ كۆرەڭلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆچمەنلىك مانا شۇنىڭدىن تۇغۇلغان. ياغمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ نەسىلدىن بولغان جەمەتكە مەنسۇپ قېرىنداشلىرىمىز تۇرۇغلۇق، بىر — بىرىمىزگە چۆچۈلۈك قىلساق، بىر — بىرىمىزنى بوزەك ئەتسەك ئىتتىپاقسىزلىق تۇغۇلىدۇ. ئىتتىپاق بولمىغان قەۋم روناق تاپالمايدۇ، بۇنىسى ئالىيلىرىغا مەلۇمۇق.
توغانخاننىڭ ئوڭ كۆزى قىسىلىپ، سول قاپىقى سەل
① تۇتغۇچ — كۆكمۇچ، شوخلا، تۇرۇپ، كۆكتىن قىلىنغان ئىشتىھا ئاچقۇننىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئاتىلىشى.
كۆتۈرۈلدى. — نېمە؟ سىزنىڭچە ياغمىلار ئەيىبلىكمۇ؟ — ياغمىلار ئۇيغۇر قەۋمى ئىچىدىكى بىر قەبىلە، ئالىيلىرى. ئەيىب بۇ قەبىلە كىشىلىرىدە ئەمەس، ئونىڭ ئىچىدىكى خەلق غېمىنى يېمەيدىغان بەگ — ئاقساقاللاردا. ياغمىلارنىڭ ئىچىدە ھۈنەرۋەن، چارۋىچى، تىجارەتچىلەرمۇ بار. — سىز ياغمىلارنى كۆپ ئەيىبلىمەڭ، — دېدى توغانخان بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا كېسكىن ھالدا، — ياغمىلار ئۇيغۇر قەۋمى ئىچىدىكى بىر قەبىلە. ئۇيغۇرلار نەچچە يۈز يىللار ئۆز يۇرت — ماكانىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، خارلانماي، بوزەك بولماي ياشاپ يەنە ئۆز دىيارىغا قايتىپ كېلىشتى. شۇڭا، قارلۇق، چىگىل، باسمىل، ياغما، ئوغراق قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك. — شۇنداق، ئالىيلىرى، — دەپ قويدى رەيھاندىن. توغانخان ئىشتىھا بىلەن پولو يەۋاتاتتى. ئاشپەز بېشى ئىككى چىنە ئۈگرە ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى. توغانخان كېرىلىپ ئولتۇرۇپ ئۈگرىنىمۇ ئىچىپ بولدى. قولىنى مۇلازىم سۇنغان لۆڭگەردە ئېرتتى، دۇئا قىلىپ داستىخاننى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. ھەرەمبېگى قويۇپ بەرگەن سودا قولىنى يۇيۇپ تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. — ئاڭلىشىمچە، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ نىيىتى بۇزۇلغاندەك قىلىدۇ. ئۇ بېشى چۆغلۇق قىلىپ ئۈستۈمگە لەشكەر تارتىپ كەلمەكچى بولۇۋېتىپتۇ. ئاغچى ئولۇغى، بۈگۈن مۇشۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن سىزنى چاقىرتىپ كەلگەندىم، — توغانخان «بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ قېنى راست گېپىڭنى قىل» دېگەندەك قىلىپ رەيھاندىنغا قادالدى. ئۇ مۇشۇ تاپتا ئالتۇن ساپلىق قىلىچىنى تىزىغا توغرىسىغا قويۇپ ئولتۇراتتى. — خاقانىم، ئەگەر مېنى مۇنداق ئەلنى پاراكەندە قىلىدىغان خەۋەرنىڭ راست — يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن چاقىرتقان
بولسىلا، ئىشەنج بىلەن ئېيتالايمنكى، ئۇ پۈتۈنلەي يالغان خەۋەر، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، باشقىلارنىڭ ئاچ - يالاڭغاچ قېلىشى بىلەن كارى بولمايدىغان رەھىمسىز، قانخور كاززاپلار تارقاتقان ئىغۋادۇر. ئالىيلىرى زىنھار ئىشەنمىسلىە.
— بەس! — دېدى تەختتىن تۇرۇپ كەتكەن تۇغانخان، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قان تېپىلغانىدى. بۇ ئۆسەكنى ئۆزى ئويلاپ تاپقان، يۇغۇرۇش بىلەن قاپۇقچى باشقا ئېيتىپ ئۇلارنى ئىشەندۈرگەن، ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ، ماقۇللۇقىنى ئالغان تۇرسا، بۇنىڭدىن قانداقمۇ يانالسۇن!
ئورنىدىن تۇرغان رەيھاندىن قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
— خاقان ئالىيلىرى، سىلى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنى بەرپا قىلغان ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چەۋرىسى، تۆتىنچى ئەۋلاد بۇغرا قاراخان بولۇپ دۇنيادا نام قازاندىلا. بۇ چاغقىچە دۈشمەنلەرنىڭ سويىقەستلىك ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىپ، خانىدانلىقىمىزنى مۇستەھكەملەشتە ئۇنتۇلغۇسىز باھادىرلىق كۆرسەتتىلە. بۇنىڭغا قەشقەر دىيارىنىڭ بۇغرا خانى بولۇپ كېلىۋاتقان تەخت ۋارىسى يۈسۈپ قادىرخانمۇ قايىل بولغاچقا، ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ ئۆتۈۋاتىدۇ. بويۇنتاۋلىق قىلغىنى يوق. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، بەزى قارا نىيەتلەرنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنى غەزەپ ئوتىغا تاشلىسىلا توغرا بولامۇ؟
تۇغانخان مەيدىسىنى بېسىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىۋاتاتتى.
— بولدى سۆزلىمەڭ! — دېدى تىترەك ئاۋاز بىلەن، — ئوردىدىكى يۈرۈش قىلىش قارارىغا كېلىپ بولغانمەن!
رەيھاندىن بېشىغا بىر چېلەك سوغۇق سۇ قويۇۋەتكەندەك
ئەندىشەپ كەتتى. — بۇ نېمە دېگەنلىرى خاقانىم، ئەلنى قان دەرياسىغا غەرق قىلماقچى بولۇۋاتاملا؟ — ئەلنى ئەمەس، يۈسۈپ قادىرخاننى قان دەرياسىغا غەرق قىلماقچىمەن. — ئالىيلىرى، بەكمۇ يۈزە ئويلىلا. يۈسۈپ قادىرخان ئارسلان بۇغراخاننى پۈتۈن ئوردۇكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا، ئۆزكەنت، بارسخان دىيارىدىكى خەلقلەر ھىمايە قىلىدۇ. ئۇنىڭ لەشكىرى ھېسابسىز، خاقانىم. ئەگەر ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىسلا، تىنچ ياتقان يەرنى ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇلا. قانلىق جەڭ قىلىشقا، كۆپ قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. قېرىنداش تۇرۇپ، تاجدۇ-تەخت، زېمىن، بايلىقنى دەپ بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرگەن شاھلارنى ئاللا قانداقمۇ كەچۈرسۇن؟ قارارلىرىدىن يېنىپ، ئەلنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئۈچۈن يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ بىلەن ئىناق ئۆتۈشلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئۈمىد قىلىدۇ. — مەن ئۈمىد قىلمايمەن؟ — بوغۇلۇپ ۋارقىرىدى توغانخان. — ئەمىرۇل مۆئمىنىن، ئەلپاناھى تۇرۇپ قېرىنداشلىرىنىڭ قېنىنى تۆكسىلە، قېرىنداشلارنى قېرىنداشلارغا ئۆلتۈرگۈزسىلە، ئاللا راۋا كۆرەرمۇ؟ سىلى ماقۇل بولسىلا، مانا مەن يالڭاچ بولۇپ ئوردۇكەنتكە بېرىپ، قېرىنداشلىق مېھرىلىرىنى، دوستلۇق تىلەكلىرىنى يۈسۈپ قادىرخانغا يەتكۈزۈشكە تەييارمەن. — بولدى بەس! قايتىپ كېتىڭ! يەنە سۆز قىلىش ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن رەيھاندىن، تەختكە يۆلىنىپ قالغان توغانخاننىڭ يېنىدىن ئېتتىك چىقىپ كەتتى.
3
بۇ تۈن تۇغانخان ئۈچۈن زۇلمەتلىك بىر كېچە بولدى. ئونىڭ سول تەرەپ كۆكرىكى دەسلەپ قاتتىقلىشىپ، كېيىن زىخ سانجىغاندەك ئاچچىق ئاغرىدى. ئۇ ئاغرىق دەستىدىن تىنالماي قالدى. بويۇن - بېشىدىن چىپىلداپ تەر ئاقتى. قىلىچ، ئوقۇت، نەيزە تېگىپ ئون نەچچە قېتىم ئېغىر يارىلانغان بۇ خاقان تاغقىمۇ قادىلىپ قالغان نەيزىنى تارتىۋەتكەندىمۇ «ۋاي…» دېمىگەنىدى. ئۇ بەك چىداملىق ئىدى. باش ئاغرىقى، قورساق ئاغرىقى دېگەننى ئاغرىق ھېسابلىمايتتى. ئۆمرىدە ئاغرىپ يېتىپ قالمىغانىدى. ئەمما، بۇ كېچە ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي قالدى. «ئاللا، ئاللا ئېگەم، مەن نېمە بولغاندىمەن؟ ساپمۇساق ئىدىمغۇ. نەدىن يېپىشتى بۇ مەرەز كېسەل؟» دەپ ئېچىنىقلاپ ئارزۇلۇق خوتۇنى بولغان مەلىكە ئادىرانى ئويغاتقۇدەك بولدى.
— خاقانىم، نېمە بولدىلا؟ — بېشىنى كۆتۈردى خانىش، تەكچىگە قويۇلغان كۈمۈش قەندىلدىكى شامنىڭ سۇس يورۇقىدا ئېرىنىڭ ئۆلۈكتەك سارغىيىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ قورقۇپ تەتۈرۈپ كەتتى، — ۋاي خۇدايىم، چىرايلىرى ئۆلۈكنىڭكىدەك بولۇپ قاپتۇ.
— ئال those قامجۇق! مەن تېخى ھايات! — تۇغانخان بارلىق كۈچى بىلەن ئارقىرىغان بولسىمۇ، ئۈنى ئارانلا چىقتى. ئۇ خوتۇنلىرىنىڭ ئىچىدە مەلىكە، ئالتۇن تارىم دەپ ئاتالغان ئادىرانى بۇ دەمگىچە تىللاپ باقمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ مەرھۇم پادشاھ ھارۇن بۇغراخاننىڭ قىزى ئىدى. بۇ خانىش نازاكەتلىك بولۇپلا قالماي، ئەقىللىك، يۈرەكلىك ئىدى. پەقەت مۇشۇ خانىشلا قارام، گەپ يېمەس خاقاننى بېسىققا چۈشۈرەلەيتتى. ئونىڭغا بوزەك بولمايتتى.
تۇغانخان بۇ خوتۇننىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ زىيان
109
تارتىمىغانلىقى، ئەل ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ھۆرمەت قىلاتتى، ئاناتانى بوزەك قىلغاندەك خارلاپ ئۆرمەيتتى. ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ئادىللا ياندۇرالايتتى.
ئادىل ئېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۈنىنى ئارانلا ئاڭلىدى.
— خاقانىم، ئىلاھىم يۈز ياشقا كىرسىلە، — پىچىرلىدى مەلىكە، — ھېلى چىرايلىرىغا قاراپ قورقۇپ كەتكەندىم.
— يۈرىكىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، ئالتۇن تارىم، بېگىز تېقىپ قوچۇۋاتقاندەك، — دېدى توغانخان مەيدىسىنى ئىككى قولى بىلەن بېسىپ.
— ئەپسۇنچى چاقىرتەيمۇ خاقانىم؟ — ئادىل ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىسسىق قولى بىلەن سىلىدى.
— ياق، — توغانخان ئاغرىق ئارام بەرگەندەك بولۇپ كۆزىنى ئاچتى، — سىز ئاچچىقىمنى ياندۇرالغاندا، ئاغرىقنىمۇ توختىتالايسىز.
— خاقانىم، سىلى ئاخشام قەسىرگە كەلگەندە، چىرايلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغىنىنى كۆرۈپ، بىرسى ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ كۆڭۈللىرىنى ئېلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ سورىيالمىغانىدىم. راست، شۇنداق بولغانمۇ؟ — دېدى خانىش ئۇنىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە ئوتلۇق كۆكسىنى يېقىپ.
— مەن جىددىي ئاتلانماقچى، جۈمە كۈنى ئىكەنلىكىگە قارىماي، يۇغرۇش، ھاجىپلارنى ھەرەم تېكىخانىسىغا چاقىرتىپ مەسلىھەتلەشكەنىدىم، — توغانخان مەلىكىنىڭ سوئالىغا ئوچۇق جاۋاب بەرمىدى.
— قەسىردە كۆڭۈل ئاچماي نەگە كېتىدۇ دېسەم، تېكىخانىدا ئولتۇرۇپتىكەنلا دە. مەسلىھەت پىشقاندۇ؟
ئاغرىق خېلى پەسەپ، مېڭىسى سەگەكلىشىپ قالغان توغانخان خوتۇنىنى باغرىغا بېسىپ دېدى:
— يۇغرۇش بېشى، قاپۇقچى باشلار قارارىمنى قوللاپ دەرھال
ئىجرا قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئەمما، يوغۇرۇشلاردىن رەيھاندىنبەگ، ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد باغدادى، شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللا، ئىنائالچۇق تېگىن، چاغىربەگ ئاداتۇغرۇل قاتارلىقلار قارارىمنى ئۆزگەرتىشكە مەسلىھەت بەردى، ئالتۇن تارىم.
— ئېيتسىلا خاقانىم، سىلىنىڭ ئىجرا قىلدۇرماقچى بولغان قارارلىرىنىڭ مەزمۇنى نېمە ئىدى؟ — ئادىرا بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ، خۇمارلاشقان كۆزلىرى بىلەن خاقاننىڭ تاتىراڭغۇ چىرايىغا باقتى. قاپقارا چاچلىرى ئېرىنىڭ كەڭ يەلكىسىگە يېيىلدى.
تۇغانخان زۇۋان سۈرمەي جىم بولۇۋالدى. ئۇ بۇ قارارنى مەلىكىنىڭمۇ قوللىماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتاتتى. ئادىرا ئۇنىڭ قوينىدىن سوغۇرۇلۇپ چىقىپ تەككىگە يۆلىنىپ ئولتۇردى.
— قېنى، دېسىلە شاھىنشاھىم، ئاتلىنىپ قەيەرگە بارماقچى بولۇۋاتىدۇلا؟
تۇغانخان رۇسلىنىپ ياستۇققا يۆلەندى:
— بۇ ئاغرىق تۈنۈگۈن جۈمە نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، رەيھاندىنبەگ بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا باشلانغان. ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتكىلى بولمايدىغان ئورا قېزىپ قويدى. ئۇنى بەك ساداقەتمەن، نېمە دېسەم ماقۇل دەيدۇ، يوغۇرۇش بېشى بولۇشقا مۇناسىپ، دەپ قارىغانىدەمەن. ئەمما، ئۇ مېنى يېتىلىمەكچى بولغانىكەن. جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۇلۇغ ھاجىپ، شەيخۇلىسلاملارمۇ ئۇ قازغان ئورنى تېخىمۇ چوقۇرلىتىۋەتتى. ئالدىمغا ماڭالماس، كەينىمگە يانالماس بولۇپ قېلىپ يۈرىكىمگە ئاغرىق كىرىپ كەتتى. غەيرەت — شۇجائىتىمنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن ئاغرىققا چىداپ يېنىڭىزغا كەلگۈچە تاقىتىم تاق بولدى، مەلىكەم. ئاخشام ئاغرىقنى سىز پەسەيتىپ ماڭا ھاياتلىق بەخش ئەتكەندىڭىز. ئازابلىق ئاغرىق
111
يەنە ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى. ئەمدى ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، دەپ ياشاشتىن ئۈمىد ئۈزگەن چېغىمدا سىز ئويغىنىپ ئاغرىقىمغا شىپا بولدىڭىز. سىز مەن ئۈچۈن ئابىھايات ئىكەنسىز، ئالتۇن تارىم، — تۇغانخان خانىشنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرغىلى تۇردى.
— سوئالىمغا جاۋاب بەرمەسلا يانلىرىدىن قوپۇپ كېتمەن، خاقانىم، — دېدى ئېرىنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىۋالغان مىلىكە، يوتقاننىڭ چېتىگە سۆرۈلۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى.
— توختاڭ ئالتۇن تارىم، ھازىر يېنىمدىن تۇرۇپ كەتسىڭىز، ئاغرىق جېنىمنى ئالىدۇ. ئاۋۋال ماڭا ۋەدە بېرىڭ، ئاندىن قارارىمنى دەپ بېرەي، — يېلىنىش نەزىرى بىلەن جاۋاب كۈتۈپ شۈك بولۇپ قالدى تۇغانخان.
— نېمىدەپ ۋەدە بېرىمەن؟
— دېگەنلىرىمگە ماقۇل بولىمەن، دەپ.
— ياق، ئۇنداق ۋەدە بېرەلمەيمەن، بولدى، مەن چىقىپ كېتەي، — ئورنىدىن تۇردى ئادىرا.
— توختاڭ، ئالتۇن تارىم، مېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىمنى خالىمايدىغانسىز؟ — دېدى تۇغانخان. ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ، كۆزلىرى قىسىلىپ كەتكەنىدى. جەڭگاھتا جەڭ ئۈستىدە ئۆلۈشنى خالايدىغان بۇ باتۇر خان ئۆز ئۆرىدىسگە مۇخالىپ ھالدا نازىنىڭ ئايىغىغا يېلىنىۋاتاتتى.
— خالىمايمەن، ئەسلا خالىمايمەن شاھىنشاھىم، مەن سىزنىڭ ياشىشىڭىز ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن، — ئادىرا ئېرىگە ئىچ ئاغرىتىپ تۇرغان يېرىدە تۇرۇپ قالدى.
— مۇشۇ سۆزىڭىز راست بولسا مېنى يالغۇز قويماڭ. مېنى ئاياڭ، مىلىكەم. ماڭا ياماشقان بۇ كېسەل باشقىچىرەك تۇرىدۇ.
— باش ئۈستىگە، خاقانىم! — ئادىرا تۇغانخاننىڭ ئاياغ تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇردى.
— مىلىكەم، ئوردىكەنەتنىڭ بۇغراخانى مېنىڭ ئۈستۈمگە
يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ قۇزئوردۇغا باستۇرۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بارماقچى بولۇۋاتىمەن، — دېدى بىردىن قىزىپ سۆزلەپ توغانخان، — بىلىمەكچى بولسىڭىز مېنىڭ قارارىم مۇشۇ.
— ئالامپىلا، خاقانىم، — دەۋەتتى ئادىرا، دەھشەت قورققاندەك نېرى سۆرۈلۈپ، — يۈسۈپ قادىرخان ئاغام قۇزئوردۇغا ھەرگىز لەشكەر تارتىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق مەقسىتى بولسا، سىلى تەختكە يېڭى چىققان چاغلاردا: «ئۆلمىگەن بولسام، نېمىشقا سەن بۇغرا قاراخان بولۇۋالىسەن؟» دەپ ئۈستىلىرىگە باستۇرۇپ كەلگەن بولاتتى. سىلى ئاسىيلارنىڭ پىتنىە - پاساتلىرىغا ئىشىنىپ قالماڭ. بۇ قارارلىرىنى ئەمدى ئىككىنچى ئېغىزلىرىغا ئالمىسىلا.
توغانخان ئۈمۈت بىلەن تۇرغاندەك ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتتى.
— مەن بۇ قارارىمدىن يانمايمەن. مېنى جاھاندا دەۋران سۈرسۇن دېسىڭىز، بۇ قارارىمغا قوشۇلۇشىڭىز كېرەك.
— خاقانىم، ئاغىچى ئۇلۇغى، شەيخۇلىسلاملار ھەرگىز سىلىگە قارا سانىمايدۇ. ئۇلار سىلىگە توغرا مەسلىھەت بېرىپتۇ. سىلىنى يارنىڭ گىردىدىن ياندۇرماقچى بوپتۇ. لېكىن، بولۇنباغلار سىلىنى ياردىن ھاڭغا ئىتتىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان.
— ياق، ياق، مەلىكەم، ئۇنداق ئەمەس، مەن سىزنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى ئاللىبۇرۇن بىلگەن. ئېيتماي دېگەندىم، تۇيۇقسىز قوزغالغان كاساپەت كېسەل مەجبۇرلاپ دېگۈزدى. سىز ئوچۇقتىن - ئوچۇق قارشى چىقتىڭىز.
— مەندىلا ئەمەس، ئارامخۇدا كۈن كەچۈرۈۋاتقان پۈتۈن ئەل قارشى چىقىدۇ. سىلىنىڭ بۇ قارارلىرىدىن، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بوۋىمىز قانداقمۇ قەبرىسىدە تىنچ ياتالىسۇن؟ تەڭرىم سىلىنى بۇ قارا نىيەتلىرىگە يەتكۈزمەيدۇ، خاقانىم.
— سەن، سەن… — چاچراپ تۇرغان توغانخان بارمىقىنى بېگىز قىلىپ تەڭلەپ، گەپ قىلالماي گۇپ قىلىپ دۇم يىقىلدى.
— خاقانىم! — مەلىكە ئادىرا ئۇنىڭ بۈكسىز بېشىنى قۇچىقىغا ئالدى، — نېمە بولدىلا شاھىنشاھىم؟ — ئاغرىق… يەنە… تۇتتى… — دېدى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ سۆزلەپ تۇغانخان، ئۇنىڭ چىرايى قارىداپ كېتىۋاتاتتى. — قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتامدۇ؟ — ئەنسىرەپ سورىدى خانىش ئۆلۈك چىراي بولۇپ قالغان ئېرىگە كۆز سېلىپ. تۇغانخان جاۋاب بەرمەي ئىڭرىدى. قول - پۇتى تارتىشىپ، كۆز چاناقلىرى چۆكىپ كەتتى. ئۇ جان تالاشماقتا ئىدى. ئادىرا ئۇنىڭ مېيدىسىنى يەنە سىلاشقا باشلىدى. — خاقانىم، سۆزۈمنى ئېغىر ئالمىسىلا، ئەلىنىڭ بەختى، سىلىنىڭ شانو-شۆھرەتلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك بولۇشى ئۈچۈن يۈرەك سۆزلىرىمنى دېدىم. ئۇ قارارلىرىدىن يانسىلا. ئاغام خۇرسەن بولىدۇ، ئاۋام ئەمىن تاپىدۇ. تۇغانخان زۇۋان سۈرمىدى. پەقەت بوغۇزىدىن خىرىلداغان ئاۋاز كەلدى. ئۇنىڭ تىنىقى ئىتتىكلەپ كەتكەنىدى. قاتتىق غەزەپلىنىش، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىق پەيدا قىلغان يۈرەك كېسىلى تۇغانخانغا بىرنەچچە يىلدىن بېرى ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتقا قەدەر بۇ تۈندىكىدەك قاتتىق تۇتمىغانىدى. ئۇ ئىلگىرى غەزەپلەنگەن چاغلىرىدا يا جەڭگە كىرىپ ياكى بىرنەچچە ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ يۈرەك ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. ئۇ شۇنىڭغا ئۆگەنگەنىدى. ئەمما، تۈنۈگۈن قان تۆكۈشكە ئىمكان بولمىغانىدى. مەلىكە ئادىرا تورۇسقا قاراپ قالغان ئېرىگە سەپ سېلىپ ئورنىدىن تۇردى — دە، چۇقان سالدى: — خاقان بولالماي قالدى! ئاتاساغۇن①نى چاقىرىڭلار. ھەربىبمۇ تېز كەلسۇن.
① ئاتاساغۇن — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا تېۋىپ.
يۈگۈرۈپ كىرگەن باش كېنىزەك مەلىكىنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن غۇلاملارنى دەرھال ماڭدۇردى.
ياندۇرۇلغان شام - چىراغلار قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن قەسرلەرنى يورۇتتى. بىردەمنىڭ ئىچىدە ھەرەمنىڭ ئىچى پاتىپارات بولۇپ كەتتى. ھەرەمبېگى بەگتۇتۇق تېپكىن پايپاسلاپ كىرىپ ئالتۇن تارىمغا سالام بەردى - دە، تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۇيقۇدا ياتقان خاقانغا ئامانلىق تىلىدى. جاۋاب بولمىغاندىن كېيىن، كېيىنچە مېڭىپ قەسر ھويلىسىغا چىقتى. چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن ئېلىكخان، تېگىنلەرگە، يۇغرۇش، ھاجىپلارغا، شەيخۇلىسلام باشلىق دۆلەت ئەركانلىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ياساۋۇللارنى ماڭدۇردى.
تېخى چولپان تۇغمىغانىدى. ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ياقۇت رەڭ يۇلتۇزلار بالاساغۇن كۆكىدە چاقناپ تۇراتتى.
بىرىنچى بولۇپ مەنسۇر ئېلىكخان كەلدى. ئۇ ئاق گۆھەر قادالغان تاج، شاھانە زەر تون كىيىۋالغانىدى. ئۇ يىغلاپ ئولتۇرغان مەلىكە ئادراغا تەزىم قىلىپ، ئاكىسىنىڭ باش تەرىپىگە كېلىپ تىز چۆكۈپ ئولتۇردى، سىنچىلاپ قاراپ ئۆلگەنلىكىگە جەزىم قىلدى.
- ئالتۇن تارىم قونچۇي، يان ئۆيگە چىقىپ تۇرسىلا بولارمىكىن. يۇغرۇش، ھاجىپلار كېلىپ قالسا ئاياللاردىن ھېيىقىپ، بۇ خانىغا كىرەلمەي تۇرۇپ قالارمىكىن، - دېدى ئۇ ئېگىلىپ تەزىم قىلغان تەرىپىگە قاراپمۇ قويماي.
رەيھاندىن چاغىربەگ ئادامتۇغرۇل بىلەن بىللە كەلدى، ئۇلارنىڭ كەينىدىن بولۇنبەگ بىلەن دوقاقبەگلەر كېلىشتى. ھايال ئۆتمەي تېگىنلەر، يۇغرۇشلار، ھاجىپلار، چاغىربەگلەر، تەرخانبەگلەر بىلەن قەسر ھويلىسى توشۇپ كەتتى.
مەنسۇر ئېلىكخان بولۇنبەگ، دوقاقبەگ، شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللا، رەيھاندىن قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرىنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. ئىچىدە بىرىنچىلەرنى پىچىرلاپ تۇغانخاننىڭ
يېنىدا ئولتۇرغان تېۋىپ ئورنىدىن تۇرۇپ پەگاھقا ئۆتتى. — خاقان ئاغامغا نېمە بوپتۇ، ئاتاساغۇن؟ — سورىدى مەنسۇر ئېلىكخان. — قاتتىق چارچاپ ھالدىن كەتكەندەك قىلىدۇ، — دېدى تېۋىپ «ئۆلۈپتۇ» دېيىشتىن قورقۇپ. — خاقان ئاغا، — پەس ئاۋاز بىلەن توۋلىدى مەنسۇر ئېلىكخان. خاقاندىن جاۋاب بولمىدى. — خاقان ئاغا! ئالىيلىرىنى يوقلاپ يۇغرۇش، ھاجىپلار كەلدى، — دېدى ئېگىشىپ چىڭراق ئاۋازدا. تۇغانخان زوۋان سۈرمىدى. كۆزلىرى ئۇچۇق بولۇپ، نۇرسىز ئىدى. — خاقان ئاغام نېمىشقا گەپ قىلمايدۇ، ئاتاساغۇن؟ — سورىدى يەنە مەنسۇر ئېلىكخان جىددىيلەشكەندەك بولۇپ. — بۇنى ئاللا بىلىدۇ، ئالىيلىرى. ھوشىدىن كەتكەن بولسا كېرەك، — تېۋىپ ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە كۆزى يەتكەن بولسىمۇ «ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ» دېيىشتىن يەنىلا ئېھتىيات قىلىپ، گويا تۇغانخان چاچراپ تۇرۇپ: «مەن ئۆلمىسەم نېمىشقا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ دەيسەن كاززاپ؟ جاللات! ئال بۇنىڭ كاللىسىنى!» دەپ ۋارقىراپ كېتەرمىكىن دېگەن ئوي بىلەن تېۋىپلا ئەمەس، باشقىلارمۇ ئېغىز ئاچماي چۆچۈپ تۇرۇپ قېلىشتى. — تومۇرىنى تۇتۇپ كۆردىڭىزمۇ؟ — مەنسۇر ئېلىكخان تېۋىپتىن يەنە سورىدى. — تۇتۇپ كۆردۈم، سالمايۋېتىپتۇ. — يۈرىكىنى تىڭشاپ باقتىڭىزمۇ؟ — تىڭشاپ باقتىم، سوقمايۋاتقاندەك قىلىدۇ. — بۇ نېمە ئىش تېۋىپ؟ داۋالامامسىز؟ — ئەلۋەتتە داۋالايمەن، ئالىيلىرى. شىپالىق بېرىش ئاللادىن. خاقان ئالىيلىرىنىڭ سەپراسى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ. قان ئېلىپ كۆرەيمۇ؟
— بۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز، تېۋىپ! — مەنسۇر ئېلىكخان تاقەتسىزلەنگەندەك بولۇپ تېۋىپقا قادالدى.
باياتىن بولغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان رەيھاندىن زۇۋان سۈرمەي جىمجىت ياتقان تۇغخانخاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئاۋۋال بېشىنى تۇتۇپ، كۆز چاناقلىرىغا سىنچىلاپ قارىدى. ئاندىن يۈرىكىنى تىڭشاپ، تومۇرىنى تۇتتى. بېشىنى كۆتۈرۈپ دەھشەت ئوردا — دە:
— ئەلھۆكمۇلىللا، خاقان ئالىيلىرى پانىيدىن باقىغا سەپەر قىپتۇ، — دېدى، ئۇنىڭ قايغۇلۇق ئۈنى ناھايىتى تەسىرلىك چىقتى.
— ئاھ، خاقان ئاغام، ئاھ بۇغرا قاراخان ئاغام! جاھاننىڭ تۆۋرۈكى ئەجەمسىدىلا، ئەلىنىڭ يۈرىكى ئەجەمسىدىلا، سىلىسىز قانداق ھايات كەچۈرىمىز ئاغام؟ ئاھ ئاغام، خاقان ئاغام! — دەپ ئۈن سېلىپ يىغلىغان مەنسۇر ئېلىكخان تۇغخانخاننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ھەرەمىدىكى ئەر — ئاياللارنىڭ يىغا — زارى ئوردىنى لەرزىگە كەلتۈردى …
بەشىنچى باب: مەنسۇرخان تەختكە چىققاندا
1
دۇنيادا ئۆلمەيدىغان ئادەم يوق. ئۆلمەيمەن دەپ ئۆلمەي قالغان پادىشاھمۇ بولغان ئەمەس. ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. ھەزرىتى سۇلايمان پەيغەمبەرمۇ ئالەمدىن ئۆتكەن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەينمۇ ئەجەل شارابىنى ئىچكەن، ئۇلۇغ ئېمچى لوقمان ھېكىممۇ ئۆلۈمگە ئامال قىلالماي جان بەرگەن… قەيەردە، قانداق ۋاقىتتا ئۆلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۆلۈمنىڭ تېگىگە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ.
ئۆزىنى دۇنيادا يېگانە خاقان، دەپ ھېسابلاپ كەلگەن ئەھمەد بىننى ئەلى توغانخاننىڭ مۇنداق تۇيۇقسىز قازا قىلىشى ئوردىنى پاتىپاراق قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەم ئۇشتۇمتۇت، ھەم غەلىتە بولغانىدى، ئۇ تېخى قىرىق ئۈچ ياشتا ئىدى.
بۇغرا قاراخانلىق تەختىنى باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەش، يىراق - يېقىندىكى ھوقۇقلۇق شەخسلەردىن گۇمانلىنىش، دۆلەت زېمىنىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كاتتا خاقان بولۇش توغرىسىدىكى شېرىن خىياللار ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەم - ئەندىشە بىلەن تولدۇرۇۋەتكەنىدى. بۇ ھەممىلا شاھلارغا ئورتاق خۇسۇسىيەت، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە ماس كېلىدۇ.
توغانخاننىڭ تەبىئىتىدە ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئەنە شۇنداق يامان خۇينىڭ ئاقىۋىتى ئىدى. بۇنىڭ تېگىگە يەتكەن رەيھاندىن «تەڭرىم، ئۆزۈڭگە رەھمەت، بىر بالانى ئارىمىزدىن كۆتۈرۈۋەتتىڭ، بولمىسا، ئۇ بۇ ئەزىز تۇپراقنى قانغا غەرق قىلغان بولاتتى» دەپ
ئويلاپ، كۆڭلىدە سۆيۈندى. بولۇنبەگ: «ئەجەب يامان بولدى، ئەمدى ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بارالمايدىغان بولدۇق. تۇغانخان ھايات بولسا، بۇ قېتىم زور نۇسرەت قازىناتتۇق، مېنى ئوردۇكەنتكە ئېلىكخان قىلىپ قوياتتى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، غەزنەۋىيلەر ياكى سەلجۇقىيلار تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ كەلگەن، تاجوۋەتچىدىن ئايرىۋەتكەن بولاتتىم…» دەپ نادامەت قىلدى. دوقاقبەگ بولسا: «قارا قورساق بولسىمۇ باھادىر ئىدى، ياخشىلىق قىلغاننى ئۇنتۇمايتتى، ساداقەتمەننى ئەتىۋارلايتتى، بۇرۇندىن يېقىنلىقى بولاتتى. ئەگەر بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە يۈسۈپ قادىرخان چىقىپ قالسا، كۈنىمىزنىڭ تۈگىگىنى شۇ. ئۇ قۇيرۇقىنى تۇتقۇزمايدىغان بۆرە. ئەگەر مەنسۇر ئېلىكخان تەختكە چىقىپ قالسا، كۈنىمىز يەنە تۇغۇلىدۇ، ھېچبولمىسا يوغۇرۇش بولىمەن. بۇ تۈلكىنىڭ بۇرۇندىن كىرىپ ئاغزىدىن چىقىپ، تويدۇرماي قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىشىم كېرەك…» دەپ ئويلايتتى. مەنسۇرخان «ئۇنداق ئاغام، مۇنداق خاقان» دەپ ياقا يىرتىپ يىغلاپ تۇرسىمۇ، كۆڭلىدە: «بۇغرا قاراخانلىق تەخت ماڭا قالدى، خاقانلىق تاج ماڭا مەنشۇپ بولدى» دەپ ئىچ - ئىچىدىن خوش ئىدى.
ئېلىكخان، ئارسلانخان، تېگىنلەر، يابغۇ، چاغرىبەگ، تەرخانبەگلەرنىڭ يىغا - زارى ئوردىنى بىر ئالدى. ھەربىر ئادەم ئوخشىمىغان مۇددىئا - غەرەز بىلەن يىغلىشىۋاتاتتى. پەقەت خانىش ئادىرالا ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئېچىنىپ ياش تۆكەتتى.
مېيىت يۇيۇلۇپ كېپەنلىككە ئورالدى، ئاندىن جىنازىغا سېلىنىپ نامىزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بالاساغۇندىكى ئەڭ چوڭ بولغان غازنا مەسچىتكە ئېلىپ مېڭىلدى. جىنازىنىڭ ئالدىدا خان جەمەتىدىكىلەر، دۆلەت ئەربابلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سەركەردىلەر ماڭدى. كەينىدە ئوردا ئەمەلدارلىرى، ياساۋۇل، نۆكەرلەر، مۇلازىم - غۇلاملار سەپ تۈزگەنىدى. جىنازىنىڭ
119
ئىككى يېنىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ كېتىۋاتقان قارىلارنىڭ ئۈنى يۈرەكنى ئېزەتتى. ئاق رومال سالغان ھازىدار مەلىكە - خانىشلار، چۆرىلەر، كېنىزەكلەر جىنازا كەينىدىن ئوردا دەرۋازىسىغىچە چىقىپ يىغا - زار بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشتى.
مەرھۇمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ مەسچىتتىن ئېلىپ چىقىلغاندا، نەچچە مىڭ خالايىق جىنازىنى ئېلىشقا ئاتالدى. ئالاماننىڭ ئىچىدە ئايتولۇن بىلەن ئايسىلىقمۇ بار ئىدى. ئۇلار يول چېتىدىكى ئۆجمە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇشاتتى.
— ئايتولۇن! — توۋلىدى ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلگەن ئاھۇ كۆز، غەمكىن چىراي بىر قىز.
ئايتولۇن ئۆرۈلۈپ قاراپ:
— قۇمبا! — دەپ ئۇ قىز بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشتى، ئايسىلىقمۇ تىنچلىق - ئامانلىق سورىدى.
— سىلەرمۇ چىقىپسىلەر — ھە، يىراقتىن كۆرۈپ تونۇۋالدىم، — دېدى قۇمبا. ئۇنىڭ گۈزەل چىرايىدىن ھەسرەت يامغۇرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
— كۆرۈشكىنىمىز ئەجەب ياخشى بولدى، ئاداش، — ئايتولۇن ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتتى، — بىزنىڭ ئۆيگىمۇ كىرمەيدىغان بولۇپ كەتتىڭ، ئىشىڭ بەك كۆپ ئوخشىمامدۇ؟
— دېدەكلەردىن ماڭا ئىش ئاشمايدۇ. مەن تىل ئۆگىنىمەن، ئوقيا ئېتىشنى، قىلىچۋازلىقنى مەشىق قىلىمەن، بەزىدە يىگىنە ئىشىمۇ قىلىمەن، بىكار تۇرمايمەن، ئاداش، — ئۇ سۆزلەۋېتىپ بويۇنداپ قاراپ قويدى، — قارا، ئەنە ئاكاممۇ جىنازا بىلەن كېلىۋاتىدۇ، — دەپ كۆرسەتتى، — قارا، ئادەم نېمىدېگەن جىق.
يۈزلەنگەن كىشىلەر ئورۇنالغان، ئاق يوپۇق يېپىلغان جىنازا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئايتولۇن پۇتىنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈلۈپ قاراپ، سەرۋازلارغا خاس كىيىنگەن ئۆدۈمىشنى كۆردى. يىگىت
① سەرۋاز — ئاتلىق ئەسكەر، ئوردىنىڭ خاس نۆكىرى.
جىنازا يېنىدا قىلىچىنى تۆۋەن تۇتۇپ ھۆرمەت قەدەمدە مېڭىپ كېتىۋاتاتتى.
ئايتولۇن شۇنچە تەلەمرەسمۇ، يىگىت ئالدىغا تىكىلگىنىچە كېتىۋەردى. قىزغا ئۇ نۆكەر، ياساۋۇللار ئىچىدە ھەممىدىن غەيۇر، مەردانە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭ ئاشۇنچىلىك زوقىنى كەلتۈردى.
ئۆدۈمشتىن بىرنەچچە قەدەم ئارقىدا كېلىۋاتقان بويانقارغا كۆزى چۈشكەن ئايسىلىقنىڭ يۈرىكى ئويناپ كەتتى. «ئەجەب سۆلەتلىك بولۇپ كېتىپتۇ. ماڭا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمىدى» دەپ رەنجىپ تۇرۇۋەردى، ئۇنى كۆرۈپ قالغان بويانقار تەلەمۈرۈپ قارىدى. قىز ئۆزىچە يانغا قارىۋالدى.
قۇمبا بۇ ئىككى ئادىشىغا سەپ سېلىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى. «ئەگەر بەگتۈرمىش ھايات بولسا، بۈگۈن كۆرەر ئىدىم. تويىمىزمۇ بولار ئىدى، ئاھ، ئەپسۇس…» دېدى ئۇ ئىچىدە قايغۇرۇپ. ئايتولۇن ئۆدۈمشتىن كۆزىنى ئۈزمىدى. ئايسىلىق ئۆزىگە قارىغانچە كېتىۋاتقان بويانقارنى مۇلايىم نەزىرى بىلەن ئۇزىتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئاق يەلكەندەك چايقىلىپ ئۆتكەن جىنازا بارا - بارا يىراقلاپ كەتتى.
ئۈچ قىز ئۆيگە بىللە ياندى.
— ئاداش، كۆكلەم كىرگەندىن بۇيان نېمىنى ئۆگىنىۋاتىسەن؟ — سورىدى ئايتولۇن قۇمبادىن. ئۇنىڭ مەرھۇم ئاتىسى بەگتۈرمىش ياخشى كۆرىدىغان بۇ قىز بىلەن مۇڭداشقۇسى كەلگەنىدى.
— پارس تىلىنى.
— ئەرەب تىلىنى بىللە ئۆگەنگەندەك، پارس تىلىنىمۇ بىللە ئۆگەنسەك بوپتىكەن، ئاداش.
— شۇنداق بولسىغۇ جان دەپ ماقۇل بولاتتىم، — دېدى قۇمبا — ئەرەب تىلىنى بىللە ئۆگەنگەن كۆڭۈللۈك دەملەرنى ئەسلەپ. ئۇ چاغدا مەدرىسىدە ئوقۇپ، ئەرەب تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەن بەگتۈرمىش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى، قۇمبا
ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. — يېقىندىن بېرى قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتىسەن، ئاداش؟ — ئۇستاز فارابىنىڭ «كىتابۇل مۇسىقۇل كەبىر»① دېگەن كىتابىنى ئوقۇغاندىن بېرى مۇسىقىغا بولغان ئىشتىياقىم كۈچىيىپ كەتتى، — دېدى قۇمبا بەگتۈرمىنىڭ نەي چېلىپ ئۆزىنى چاغرىدىغانلىقى يادىدىن كېچىپ. — بىزدىن ئۆتۈپ كېتىپسەنغۇ ئاداش؟! — ئايتولۇن، ئاڭلىدىڭمۇ، دېگەندەك قىلىپ سىڭلىسىنى يېقىنداپ قويدى. — نەدىكىنى. مەن تېخى سىلەردەك كۆپ كىتاب ئوقۇمىدىم. ئۇلار ئارچا، چىنار دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان كوچىنىڭ چېتى بىلەن ئاستا كېتىۋاتاتتى. ئايتولۇن قۇمبانىڭ ياۋاشلاپ قالغىنىدىن مەيۈسلەندى. بولمىسا بۇ قىز ناھايىتى شوخ، چەبدەس، گەپدان ئىدى، يولدا مۇنداق جىم ماڭمايتتى، تاقلاپ — سەكرەپ، ھەزل قىلىپ كۈلۈپ ئاداشلىرىنى زېرىكتۈرمەيتتى. ئايسىلىگ شۇ دەمدە بويانقارنى ئويلاۋاتاتتى: «ئۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان بولۇپ قالدى، نېمە بولدىكىنە؟ ئۇنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان بىرەر سۆز قىلىپ قويدۇممۇيا…» ئايتولۇننىڭ: — بىر كۈنى شىكارغا چىقساق بولاتتى، قۇمبا، — دېگەن سۆزى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. — شىكارغا چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى، ئاچا. شىكارغا چىقساق، ئوقيا ئېتىش، نەيزە سانجىش، قىلىچۋازلىق ماھارىتىمىزنى بىر سىناپ كۆرەتتۇق، — ئايسىلىگ ئاچىسىنىڭ سۆزىگە خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى، — ئاباملار، ئاغاملار بىللە چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئۇنىڭ «ئاغاملار» دەپ ئۆتمۈش بىلەن بويانقارنى
① «مۇزىكا ئىلمى توغرىسىدىكى كىتاب».
ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئايتولۇن چۈشىنىپ، سىڭلىسىنىڭ بېقىنىنى چىمدىپ قويدى.
— ئەجەب ئوبدان گەپ بولدى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىللە چىقىپ سەير قىلساق كۆڭلىمىز ئېچىلىپ قالاتتى، — دېدى ئۆيى ئالدىغا كېلىپ قالغان قۇمبا.
— ئاباملارغا دەپ يۈسۈپ ئۆكامنىڭ قىرىق تويىنى ئۆتكۈزۈپلا شىكارغا چىقايلى. ئاداش، ئۆكامنىڭ قىرىق تويىغا كەلمەي قويما، — دېدى ئايتولۇن قۇمبا بىلەن خوشلىشىپ.
ئۈچ كۈن ئۆتۈپ تۆتىنچى كۈنى يۈسۈپنىڭ قىرىق تويى بولدى. قۇمبا ئۈچ سىڭلىسى، ئىككى ئىنىسى بىلەن كەلدى. تۇغقانلارنىڭ، ھەقەمسىيلەرنىڭ يەتتە ياشتىن كىچىك ھەممە بالىلىرى ھويلىغا يىغىلدى. ئۇلار كۆل بويىغا سېلىنغان داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى. قىرىق تويىغا ئاتاپ پىشۇرۇلغان ئەنجۈردەك كىچىك توقاچلار پەتنۇس — پەتنۇستا ئېلىپ كېلىندى. بادام، ياڭاق، گۈلە — قاق، جىگدە، چىلان، ئۈزۈم، مېغىز قاتارلىق قۇرۇق يېمىشلەر بىلەن يېڭى پىشقان شاپتۇل، ئەنجۈر، خۇددى يۈرۈك، ئاق كۆكچى، چىلگە، تاۋۇزلار لېگەن — لېگەنلەردە تىزىلدى.
رەيھاندىن بويانقار قوتاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىككى قوچقارنى ئاتا — ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ئۆزى بوغۇزلاپ بەردى. ئۇ سوپىدا بوۋاققا قاراپ ئولتۇرۇشقان بەگتۆمۈر، زەمىران ئانا، يابرا ۋە قىزلارغا كۆز سېلىپ:
— بالىلار ئۆينىڭ سائادىتى، خوشاللىقى، بەرىكىتى. بۇ مۇبارەك كۈنگە يەتكۈزگەن ئاللاھتىن مىننەتدار بولۇپ خوشال — خۇرام ئولتۇرايلى، بوزۇروكۋارلىرىم، — دېدى ۋە سوپىغا چىقىپ يۈكۈنۈپ، ئايتولۇننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قۇمباغا قارىدى، — قىزىم، قەدەم تەشرىپ قىلىپ بىزنى ناھايىتى خۇرسەن قىلدىلا. بالىلار بىلەن گەپلىرىنى تولا قىلىمىز. ئاتىلىرى ئوبدان تۇرغاندۇ؟ بىرنەچچە كۈن بولدى ئوردىغا بارالمىدۇق؟
قۇمبا يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي جاۋاب بەردى: — ئاتامنىڭ تازا مىجەزى يوق. — بۇرادەرىمنى يوقلاپ كەلسەم بولغۇدەك. ئالسىلا بالام، تارتىنمىسىلا، پات — پات كېلىپ تۇرۇسىلا. ئايتولۇن، ئايسىلىق ئىككىلىسى سىلىگە ئامراق. — رەھمەت ئابا، كېلىپ تۇرىمەن، كېلىپ تۇرىمەن، — قۇمبا داستىخانغا قويۇلغان سامسىدىن بىرنى ئالدى. — قۇمبا ئاچام پارس تىلىنى بىز بىلەن ئۆگىنىدىغان بولدى. ئۇكامنىڭ قىرىق تويىدىن كېيىن بىز بىلەن شىكارغا چىقماقچى، — دېدى يۈسۈپنى ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان ئايسىلىق ئاتىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن. — ئۇنداق بولسا ياخشىغۇ قىزىم، بۇرۇنمۇ بىللە ئۆگىنەتتىڭلار ئەمەسمۇ. ئۆزۈممۇ بۇرادەرىم ئادامتۇغرۇلنى ئائىلە بويىچە شىكارغا چىقىشقا تەكلىپ قىلماقچىدىم. يا سىلەر ئۆزۈڭلار چىقماقچىمۇ؟ ئاتىسىنىڭ بۇ سوئالىغا ئايسىلىق جاۋاب بەرگۈچە ئايتولۇن ئېغىز ئاچتى: — ئىككى ئائىلە شىكارغا بىللە چىقساق تېخى ياخشى، قىزلار ئۆزىمىز چىقساقمۇ بولىدۇ، ئابا. — ماقۇل، سىلەر شىكار قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىللە چىقايلى. رەيھاننىڭ جاۋابى قىزلارنى خۇشال قىلىۋەتتى. قۇمبا كۆڭلى يېرىم، غەمكىن ئولتۇراتتى. «بىچارە قىز جۇدۇپ قاپتۇ، ئوغلىمغا ئېلىپ بېرىمەن دېسەم، خۇدايىم نېسىپ قىلماپتىكەن. بەك ئوبدان قىز ئىدى، ۋاي ئىسىت…» دەپ ئويلىدى يۈسۈپنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان يابىرا. بالىلار قىيا — چىيا قىلىشىپ بىردەمدىلا داستىخاننى قورۇقداپ قويۇشتى. بۇلار بىللە بولۇۋاتقان بويانقار سوپا ئالدىغا كېلىپ قولىنى كۆكسىگە ئالدى:
— بوزۇرۇكۋار، بالىلار دۇئا قىلىپ بەرسۇن، دەيدۇ. بەگتۆمۈر زەمىران تانغا، ئاندىن رەيھاندىنغا قاراپ: — ئامىن! — دەپ قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈردى، — ئاللا، پەرزەنتلىرىمىزنى ئىمانى، ۋىجدانى بىلەن چوڭ بولۇشقا نېسىپ قىلغىن، بىلىم — ھېكمەت ئاتا قىلغىن. ئاللاھام، كۆپنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارىدا ئوغلىمىز يۈسۈپكە بىلىم — ھېكمەت ئاتا قىلغىن، بېغەم، يارىماسلاردىن بولۇپ قالمىسۇن! ئۇنى ياخشىلارغا قوشقىن، قارا نىيەتلىككە قېتىلىپ قالمىسۇن! كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىنى قالدۇرغىن، ئىزسىز، نىشانسىز، نامى يامانلاردىن بولۇپ قالمىسۇن! ئامىن ئاللاھۇئەكبەر! — ئامىن! — چۇرقىراشتى گۆدەكلەر. — ئەمدى يۇيۇندۇرۇپ، بوۋاققا كىيىم كىيدۈرۈڭلار، — دېدى رەيھاندىن يابىراغا قاراپ. — بوۋاقنى كۆرىمىز، يۈسۈپنى كۆرىمىز، — دەپ چۇقان سېلىشتى گۆدەكلەر. يابىرا يۈسۈپنى باغرىغا باسقان ھالدا قوپۇپ سۇپىدىن چۈشتى. قىز — ئوغۇل گۆدەكلەر قوللىرىنى ئۇزىتىپ ئۇنى ئۆزىگە ئېلىۋالدى. يابىرا: — بالىلىرىم، يۈسۈپنى يۇيۇندۇرۇپ، كىيىمىنى كىيدۈرەيلى. ئاندىن باغقا ئېلىپ كىرىپ ئوينىتىپ كېلىڭلار، ماقۇلمۇ؟ — دەپ، ئايتولۇن ئۆيدىن ئېلىپ چىققان گۈلدار تەشتەككە يۆگەكلىك يېشىۋېتىلگەن بوۋاقنى ياتقۇزۇۋەتتى، بوۋاق بوشىغان قول — پۇتلىرىنى پىلدىرلىتىپ ھەممىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرۈۋەتتى. ئايتولۇن، ئايسىلىك، قۇمبالار ئۈچ پەتنۇستا بالىنى يۇيۇشقا تەييارلانغان نەرسىلەرنى، كىيىم — كېچەكلەرنى ئېلىپ چىقتى. بويانقار چۆدەرىياسىدىن ئېلىپ كەلگەن مىس چۆگۈندىكى سۇنى تەشتەك يېنىدا قويدى. بەگتۆمۈر بىرىنچى بولۇپ مىس چۆگۈننى
قولىغا ئالدى: — ئايغۇچى، كۈيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان ئېي جان، ھايالىق، ۋاپالىق ئادەم بولغىن، — دەپ جان يەرلىرىنى يۇيۇپ مۇستەھكەم قىلدۇردى. تەشتەك يېنىدا دۈمچىيىپ ئولتۇرغان زەمىران ئانا: — كۈن، ئايدەك نۇرلۇق بولغىن، — دەپ يۈزىنى يۇدى. يۈسۈپ يىغلاپ داستىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن قوللىرىنى ئۇزارتتى. رەيھاندىن يابرانىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ: — يىغلىما، يىغلىما بوغرام، قەلەم تۇتساڭ ئەلگە ئادالەت ئىشىكى ئېچىلسۇن. قىلىچ تۇتساڭ دۈشمىنىڭنىڭ بېشى ئۈزۈلسۇن، — دەپ ئىككى قولىنى يۇدى. بالىنىڭ يىغىسى ئاستا — ئاستا پەسلەپ، سۇنى چاۋاكلاپ ئويناشلى تۇردى. ئارچا ياغىچىنى كۆيدۈرۈپ ئىسرىق سېلىپ يۈسۈپنىڭ بېشىدىن ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرغان بودراچ موماي: — باسقان قەدىمىڭ ئەلگە سائادەت، دۈشمىنىڭگە ئاپەت يەتكۈزسۈن، — دەپ پۇتلىرىنى يۇدى. چۆگۈننى يابرا قولىغا ئالدى. ئۆز ئانىسىنى تونۇغان بوۋاق تەلپۈنۈپ، قوللىرىنى سۇنۇپ كۈلۈمسىرىدى. — زېمىننى ياشناتقان دەريا سۈيىدەك ئېلىنى كۆكەرتىدىغان ئەقىللىق، بىلىملىك ئادەم بول، — دەپ بېشىغا سۇ قويدى. بىرنەچچە زىخ كاۋاپنى كۆتۈرۈپ پايپاسلاپ كەلگەن ئاشانبۇقا قولىغا چۆگۈننى ئېلىپ: — ئەل دۈشمىنىنى دۈشمەن بىلگىن، دۈشمەنگە ھەرگىز تىز پۈكمە! مەيلى ئەلەمدار بول، مەيلى قەلەمدار بول، غۇرۇرۇڭنى يوقاتماي، قەدىر — قىممىتىڭنى يەرگە ئۇرماي زەپەر قۇچۇپ ياشايدىغان ئادەم بول! — دەپ ئوچۇسغا سۇ قويدى. يۈسۈپنىڭ يۆمران تېنىدە مەرۋايىتتەك سۇ دانچىلىرى لىغىرلايتتى.
ئاشانبۇقا چۆگۈننى بويانقارغا بەردى: — ئوغلۇم، كۆك بۆرىدەك غەيۇر بول، ھەرگىز يەمچۈك قوزا بولۇپ قالماغىن، — دەپ يەلكىسىگە سۇ قويدى. ئايتولۇن «چاغىربەگ بولسۇن» دەپ، ئايسىلىگ «كۆك ئېيىق بولسۇن» دەپ، ئايتمىش «ئالىم بولسۇن» دەپ، ئارچۇن «چىرايلىق قىز ئالسۇن» دەپ بويۇن — باشلىرىغا سۇ قويدى. قۇمبا ئۇزاق ئۆمۈر تىلەپ سۇ قويدى. ئەمدى نۆۋەت سەبىيلەرگە كەلگەنىدى. رەيھاندىن گۆدەكلەر ئىچىدىن يەتتە ئەزاسى بېجىرىم، شوخ، چىرايلىق تۆت قىز، ئۈچ ئوغۇلنى تاللاپ، ئۇلارنى تەشتەكنى چۆرىدىگەن ھالدا تۇرغۇزدى. ئېتىقادلىق، ئىبادەتلىك ئادەم بولسۇن، جامائەتتىن ئايرىلمىسۇن دەپ، ئازنا مەسچىت كاكۇلى ① سېلىنغان ئىشتىكى سۇنى؛ قىلغان ئىشى — ئەمگىكى، توپلىغان بايلىقى ئەلگە پايدىلىق بولسۇن دەپ، يەتتە مۆھۈلۈك دەرەخنىڭ شاخچىسى سېلىنغان سۇنى؛ نەدە بولسا شۇ يەردە ھاجەتمەنگە نەپ يەتكۈزسۇن دەپ، يەتتە مېۋىسىز دەرەخنىڭ شاخچىسى سېلىنغان سۇنى، سەپىرى بىخەتەر، ئۇتۇشلۇق بولسۇن دەپ، كۆۋرۈك شىشقى ② سېلىنغان سۇنى؛ مېھرى ئىسسىق بولسۇن دەپ، پىشۇرۇلغان بىر زىخ كاۋاپ چىلانغان سۇنى؛ شېرىن سۆخەن بولسۇن دەپ، تىللا، ئالتۇن — زىننەت بۇيۇملىرى سېلىنغان سۇنى ئاشۇ يەتتە گۆدەككە بوۋاقنىڭ باش — بويۇنلىرىغا، ئۇچىسىغا قويدۇردى. ئاندىن يابرا دەريا سۈيى بىلەن بالىنى چايقاپ قۇچىقىغا ئالدى. ئۇ دەسلەپ زەمۇران ئانا سۇنۇپ بەرگەن ئاق كۆڭلەك بىلەن قارا ئىشتاننى كىيدۈردى، ئاندىن توپا رەڭ يىپەك رەختتىن تىكىلگەن چاپاننى كىيدۈرۈپ، تۈگمىلىرىنى ئېتىپ قويدى. زەمۇران ئانا قۇمبا ئېلىپ كەلگەن بادام دوپپىنى بېشىغا كىيدۈرۈۋەتتى،
① مەسچىت كاكۇلى — مەسچىت تېمىغا سۇۋالغان لاي. ② كۆۋرۈك شىشقى — كۆۋرۈك ياغىچىنىڭ ئوشاق پارچىسى.
يۈسۈپ پىسقىدە كۈلدى. ئاشانبۇقا ئۆزى تىككەن پۆپۈكلۈك كىچىك چورۇقنى پۇتلىرىغا كىيگۈزۈپ يەر دەسسەتتى. بەگتۆمۈر كۈمۈش بەلباغنى بېلىگە باغلىدى. رەيھاندىن كىچىك كۈمۈش غىلاپلىق خەنجەرنى بېلىگە ئاستى ۋە كىنجى قىزى ئارچۇن ئېلىپ چىققان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر فارابىنىڭ «مەدىنەتۇل فازىلە»① دېگەن كىتابىنى باغاشلىتىپ قويدى…
— مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن! — دەپ چۇقان سالغان گۆدەكلەر قوللىرىنى سۇنۇپ يۈسۈپنى باغقا ئېلىپ كىرىپ ئوينىتىپ چىقماقچى بولۇشتى.
— ماقۇل، ئوينىتىپ چىقىڭلار بالىلىرىم، — دېدى ياببۇ يۈسۈپنى قىزغىنىشقا بېرىپ. بۇ قارا سېكىلەكلىك قىزنى چۆرىدىگەن سەبىيلەر باغقا كىرىپ كېتىشتى.
بۈگۈن بىرەر كىشى بەگتۈرمۈشنىڭ گېپىنى قىلمىغان بولسىمۇ، ئاتا - ئانا، قېرىنداشلىرى باشتىن - ئاخىر كۆڭۈللىرىدە ياد ئېتىپ سېغىنىپ ئەسلىشىتى. غەمكىن قۇمبانىڭ ياشلىق كۆزلىرى بوستانلىق كۆل بويىدىن، گۈزەل باغ ئىچىدىن ئاشىقنىڭ رۇخسارىنى ئىزدەيدى…
سەبىيلەر باغدا بىرەر سائەت ئوينىشقاندىن كېيىن يۈسۈپنى بايقۇدەك ئارىغا ئېلىپ ھويلىغا يېنىپ چىقىشتى. شورپا ئېچىپ توقاچنى كۆتۈرۈپ ئۈزگەندە، كۈن ئولتۇرۇشقا نەيزە بويى قالغانىدى.
2
يۈسۈپ كۈندىن - كۈنگە شوخلىشىپ چىرايلىق چوڭ بولۇۋاتاتتى. يىغلىغاندا پۇت ئېتىپ چىرقىراپ، كۈلگەندە ئىللىق - ئىللىق جىلمىيىپ ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ئۆيدىكى
① «مەدىنەتۇل فازىلە» — فارابىنىڭ غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرى بايان قىلىنغان كىتاب.
ھەممىدىن ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. بەگتۆمۈر، زەھىران ئانا ئۇنى كۆنلۈكى بىر قېتىم كۆرمىسە ئۇيقىسى كەلمەيتتى. ئايتولۇن ياكى ئايسىلىڭ ۋە بەزىدە دېدەك قىزتۇرمىش يۈسۈپنى ئىچكىرى ھويلىغا ئېلىپ كىرىپ بوۋىسى بىلەن مومىسىغا كۆرسىتىپ چىقاتتى. يېقىندىن بېرى كۈندە ئەتىگەن كېلىپ، قىزلار بىلەن پارس تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان قۇمبامۇ ئۇنى ئۆز ئۆكسىدىن چاغلايتتى.
پارس تىلىنى يابىرا ئۆگىتەتتى. سۆزلىرى يېقىملىق، خۇشخۇي بۇ ئايال قىز چېغىدا، باغدات، ئىسپاھانلاردا ئوقۇپ موللا بولۇپ كەلگەن ئاتىسىدىن دەسلەپ ئەرەبچىنى، كېيىن پارسچىنى ئۆگەنگەنىدى. قىزلارغىمۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئەرەب تىلىنى، ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدىلىرىنى، ئايەت، دۇئالارنى ئۆگىتىپ تەلەپچان قوشناچىم بولۇپ قالغانىدى. پارس تىلىدىكى مۇرەككەپ، ئۆزى تولۇق بىلمىگەن سۆز - جۈملىلەرنى رەيھاندىندىن سوراپ بالىلارغا يادقا ئالدۇراتتى. دىنىي بىلىمى چوڭقۇر بولغاچقا ناھايىتى تەقۋا، تەلەپچان ئىدى. قىزلار ئۇنىڭ يېقىملىق سۆزلىرىنى، ھېكايە - چۆچەكلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدى.
قۇمبا بۈگۈن ھەر كۈندىكىدەك ئوچۇق يۈزدە قىزىللىق يوقالغان مەھەلدە، بەگتۆمۈرنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كەلدى. سايە - سالقىن كۆل بويىدا قىزلار كۆرۈنمەيتتى. ئىككى نەپەر ئوردا نۆكىرى پېشايۋان سۇپىسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارغا بويانقار ھەمراھ ئىدى.
«يابىرا ئاپام بۈگۈنكى دەرسنى ئايۋاندا ئۆتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئايتولۇن، ئايسىلىڭلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟ قارىغاندا، ئوردىدىن كىشى كەلگەندەك قىلىدۇ. بۇنداق ئەتىگەندە نېمە ئىش بىلەن كەلدىكىنە؟» ئويلىدى قۇمبا رومىلىنى قايىرىپ كۆز سېلىپ. ئۇ ئوڭ تەرەپتىكى سالاسۇنلۇق قىزلار خانىسىغا قاراپ مېڭىشقا، يۈسۈپنى كۆتۈرگەن قىزتۇرمىش ئۆيدىن چىقتى. ئۇ:
— قۇمبا ئاچا، — دەپ ئالدىغا كەلدى. — ئايتۇلۇن ئويدىمۇ؟ — سورىدى قۇمبا ئۆزىگە ئىنتىلگەن يۈسۈپنى قولىغا ئېلىپ. ئۆزىگە ئامراق بۇ قىزنى تونۇۋالغان يۈسۈپ ئەركىلەپ ئونىڭ رومىلىنى تارتتى. — ئايتۇلۇن ئاچام خانىسىدا، — دېدى قىزتۇرمىش كۈلۈمسىرەپ، — دېرىزىدىن سىلىنى كۆرۈپ، باشلاپ كىرىڭ، دەپ مېنى چىقارغانىدى. — ھاي، شوخلۇق قىلما ئۇكام. چېچىمنى يۇلۇۋېتىسەن، قويۇۋەتسەڭ يىغلايمەن، — قۇمبا يۈسۈپنىڭ ئوماق قوللىرىنى چاچلىرىدىن تەستە ئاجرىتىپ مەڭزىگە سۆيدى، — سەنزە… نېمانداق تاتلىق سەن؟ يۈسۈپ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ئالتۇن چازىغا قول ئۇزارتتى. — بۇنى ئالساڭ بولمايدۇ، مە، بۇنى ئوينا، — قىز يانچۇقىدىكى ياقۇتتىن ئىككىنى ئېلىپ بەردى، يۈسۈپ تۇتالماي تاشلىۋەتتى. — بولدى، سىز يانچۇقىڭىزغا سېلىپ قويۇڭ، كېيىن چىقىپ يىغۇزۇپ قويارسىز، — دەپ ياقۇتنى قىزتۇرمىشقا بېرىپ، يۈسۈپنى باغرىغا تانغان قۇمبا ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئايسىلىقنىڭ چاچلىرىنى تاراۋاتقان ئايتۇلۇن قۇمبانىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ تارغاقنى قويۇپ ئورنىدىن تۇردى: — كەلدىڭمۇ ئاداش، — قۇمبا بىلەن مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشتى، — ئەتەگەندە مېھمان كېلىپ قالدى. شۇڭا، بىز ئۆيگە قامىلىپ قالدۇق. ھەيران بولۇۋاتقانسەن؟ ئولتۇرغىن، — ئۇ دوستىنىڭ ئاستىغا كۆرپە سېلىپ بەردى. ئۆيگە قىزىلگۈللۈك خوتەن گىلىمى سېلىنغانىدى، گەجتە قىلىنغان تاملارغا نەقىش چېكىلگەن ئويۇق — تەكچىلەر چىقىرىلغانىدى. قىلىچ، نەيزە، ئوقيالار ئېسىپ قويۇلغانىدى. ئۆي يورۇق بولۇپ، ئوڭ ياندىكى بۆلۈككە تاش ئەينەك، سول ياندىكى
بۇلۇڭغا چاسىلىق كۈمۈش ھالقىلىق ساندۇق قويۇلغانىدى. قۇمبا ئولتۇرۇپ:
— سىلەر شۇنچە ئەيمىنىدىغان كىم ئىكەن؟ — دەپ سورىدى.
— يۇغرۇش ئوخشايدۇ. ئاتام بەگتۆمۈر بوۋامنى چاقىرىپ چىقتى. ئابام ئاشخانىدا ئالدىراش.
ئايتولۇننىڭ جاۋابى قۇمبانى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
— قايسى يۇغرۇشتۇ ئۇ؟ رەيھاندىن ئاتامنىڭ ئوردىغا بارىدىغان چېغىدا كېلىپ قاپتۇيا؟
— بونى بىلمىدۇق، ئاداش. بۇغرا قاراخان ئەۋەتتىمىكىن ياكى ئۆز ئىشى بىلەن كەلدىمىكىن، باداك قورساق، كالانپاي ئادەم ئىكەن، ئۈستىدە زەر باسقان كىمخاب تون.
— كىم بولسا بولمامدۇ، كارىمىز نېمە، — دېدى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈۋاتقان ئايسىلىق، — ھېلى ئاتام مېھماننى ئۇزىتىپ چىقىدۇ. بويانقارنى چاقىرىپ سوراپ باقمىدۇق يا؟ — ئۇ باغرىداقنى تارتىپ باغلاپ ئورنىدىن قوپتى، كۆكسى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى.
— توختا ئايسىلىق، بويانقارنى چاقىرىپ سورىمىساقمۇ ئاتام ئۆزى دەپ بېرىدۇ، — توستى ئايتولۇن سىڭلىسىنىڭ ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلىكىنىڭ پېشىدىن تارتىپ.
مۇشۇ ۋاقىتتا مېھمانخانا ئۆيىدە قىزىق پاراڭ بولۇۋاتاتتى. كەلگەن يۇغرۇش دوقاقبەگ ئىدى. ئۇ زەپە سېلىنغان چاينى سۈمۈرۈپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
— سىزگە مەلۇم بەگتۆمۈر ئاغا، بولۇنبەگ خاقانىيە① دىيارىدىكى ئەڭ يۈرت ئالتۇن ئارتۇچنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن، يۇرت جامائەتنىڭ پېشۋالىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ھارۇن ئارسلانخانغا مۇھاپىزەتچى نۆكەر بولغان سەركەردە. نەچچە يىللاردىن بېرى مەرھۇم بۇغرا قاراخانغا سۇباشى، يۇغرۇش بولۇپ كەلدى. ھازىر بۇغرا قاراخان مەنسۇرخاننىڭ يۇغرۇش بېشى،
① خاقانىيە — پادشاھلار تۇرىدىغان جاي — قەشقەر.
مەرتىۋىسى ئۈستۈن زات. ھەر جەھەتتىن سىزنىڭ جەمەتىڭىز بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ، ئارىم - بارىم كىشى قارا① ئو، - دوقاقبەگ سۆزىدىن توختاپ ئاق يىپەك ياغلىق بىلەن بويۇن - باشلىرىدىكى تەرنى ئېرتىپ، ئاققۇال بەگتۆمۈرگە، ئاندىن رەيھاندىنغا سىنچى نەزىرى بىلەن قاراپ گېپىنى داۋام قىلدى، - بايا دېگىنىمدەك، بولۇنبەگنىڭ رەيھاندىن جاناپلىرى بىلەن قۇدا بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا بىرنەچچە يىل بولدى. قىتانلار بىلەن ئۇرۇش بولۇپ، ئوغلى ئالىپ بوزاغو جەڭگە كېتىپ قالغاچقا ئېغىز ئاچالمىغانلىقى راست. بۇغرا قاراخان ئالدىدا ھەمىشە رەيھاندىن جاناپلىرىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ كەلدى. ئاغىچى ئۇلۇغى بولۇپ تېيىنلىنىشكە كۈچ چىقارغانمۇ بولۇنبەگ بىلەن ئىككىمىز. بەگتۆمۈر ئاغا، ئەسلىدە ئۇلۇغ خاقان زەپەر قۇچۇپ كەلگەندىلا توينى قىلىۋەتمەكچىدى. ئالىپ بەگتۆمۈرنىڭ بەختكە قارشى ئاپات بولۇشى بۇ قۇتلۇق توينى ئارقىغا سۈرۈۋەتتى. ھەربىر ئىشنىڭ ئاللا بېكىتكەن ۋاقتى - سائىتى بار. سائىتى كەلمىسە ھەرقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەنە شۇ قۇتلۇق سائەتنىڭ ئاخىر يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۆزۈم ئەلچى بولۇپ كەلدىم.
ئۆينى بىر پەس جىمجىتلىق باستى. بەگتۆمۈر رەيھاندىنغا، رەيھاندىن بەگتۆمۈرگە باقتى. ھەر ئىككىلەنگە ئۇچراشقان كۆزلەردە «بوزاغونى كۆيۈئوغۇل قىلالمايمىز» دېگەن مەنا ئەكس ئەتتى.
جاۋابقا مۇنتەزىر بولغان دوقاقبەگ بىر قانچە قېتىم تامقىنى قىرىپ قويدى، ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي بولمايتتى. جاۋاب بەرمىدىمۇ، ئۇ رەنجىمەيدىغان جاۋابنى تېپىپ بېرىش كېرەك ئىدى.
- قاپۇغچى بېشى جاناپلىرى، قۇتلۇق قەدەملىرى بېشىمىزنى
① ئارىم - بارىم كىشى قارا - خوش پېئىل، كاتتا ئۇستاز.
كۆككە يەتكۈزدى.
— قۇللۇق، قۇللۇق، — دوقاقبەگ ھېجىيىپ باش لىڭشىتتى. بەگتۆمۈر گېپىنى داۋام قىلدى:
— جانابلىرى، ئوغلۇم رەيھاندىننىڭ تۆت ئاجىزەسى بار.
— تۆت قىزى بار بەندىگە ئاللا دوزاخ ئوتىنى ھارام قىلغان، تەقسىر، — دېدى دوقاقبەگ ئونىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، — ئەزىز خانلىرىغا ئەئشا①دەك شائىر قەدەم تەشرىپ قىلغان بولسا ئەجەب ئەمەس، كېيىنى — كېيىندىن توي ئوينايدىغان ئوخشايمىز، — ئۇ خىرىلداپ كۈلدى.
بەگتۆمۈر «قېنى، سىلى جاۋاب بەرسىلە بالام» دېگەندەك قىلىپ رەيھاندىنغا كۆز ئىشارىتى قىلدى.
— ئاتام ئېيتقاندەك، مۇبارەك قەدەملىرى يېقىننى غايەت خوشال قىلدى، قاپۇغچى بېشى جانابلىرى. تۆت ئاجىزەمنىڭ ئىككىسى ئەمدى رەسسەدە بولدى. ئىككىسى تېخى نەرەسىدە، ئەلھەمدۇلىللا، شائىر ئەئشاغا ھاجىتىمىز چۈشمەس.
— ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە. قىزلار بىر — بىرىدىن چىرايلىق بولغاندىكىن قەسسەدە يېزىپ ماختاش ھاجەتسىز، ئاغچى ئۇلۇغى جانابلىرى، — دوقاقبەگ ئارتۇقچە سۆز قىلىپ قويغانلىقىنى بىلىپ جىم بولدى.
— نىكاھ غايىب، قاپۇغچى بېشى. سىلى دېگەندەك بويىغا يەتكەن ئىككى قىزىمىز توغرۇلۇق باش ئاغرىتىۋاتقانلار خېلى كۆپ. مۇۋاپىق دەپ بىلىپ ئىككىيلەنگە ماقۇل جاۋابنى بەرمىگەن بولساق، جانابلىرى كەلگەندە ھەرگىزمۇ ياق دېمىگەن، ئىككى قوللاپ سۇنغان بولاتتۇق. بىزنى كەچۈرگەيلا، ئۆزىمىزنى بولۇنبەگ جانابلىرىغا يەتكۈزۈپ قويغايلا. تەقدىر ئەزەلدىن
① ئەئشا — ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ياشانغان مەشھۇر ئەرەب شائىرى. قىزلىرىنى ياتلىق قىلالماي چۆلگە چىقىپ كەتكەن بىر ئەرەب يولدىن ئۆتۈۋېتىپ كەپىسگە كىرىپ ئۆتكەن ئەئشانىڭ ھۆرمىتىگە يالغۇز تۆگىسىنى سويغان، ئەئشا ئونىڭ تۆت قىزىنى ماختاپ قەسسەدە يازغانىكەن.
شۇنداق پۈتۈلگەن بولسا كېرەك، بىر يىل بۇرۇن كىشى كىرگۈزگەن بولسا، مۇنداق نالايىق جاۋاب بەرمىگەن بولاتتۇق. خەيرىيەت…
رەيھاندىن سۆزىنى توختاتماي تۇرۇپ دوقاپبەگ ئېغىز ئاچتى:
— جانابلىرى، ئەلچى ئەۋەتكەن ئارسلانخانمۇ، ئېلىكخانمۇ؟
— ياق، خان جەمەتتىكىلەر ئەمەس.
— ئۇلۇغ ھاجىپمۇيا؟
— ئۇمۇ ئەمەس، قاپۇغچى بېشى جانابلىرى.
— ئۇنداق بولسا كىم؟ — زەردە بىلەن سورىدى بولۇنبەگ. ئۇنىڭ گۆشلۈك يۈزلىرى چىمىلداپ كەتتى.
رەيھاندىن ئاتىسىغا قارىدى. بەگتۆمۈر ئوغلانىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ، «سۆزلەۋەرگىن» دېگەندەك باش لىڭشىتتى.
— قاپۇغچى بېشى جانابلىرى، بىزگە ئەلچى ئەۋەتكەن ئارسلانخان، ئېلىكخان جەمەتمۇ، يۇغرۇش ياكى ھاجىپ ئائىلىسىمۇ ئەمەس. ئۇزاق يىللاردىن بېرى بېرىش - كېلىش قىلىپ كېلىۋاتقان دوستىمىز…
— ھە، مۇنداق گەپ ئىكەن دە، سىلەردەك زەردار ئائىلىسى ئوخشىمامدۇ؟
— ئۇنداقمۇ ئەمەس. ھەقىقىي دوستلۇقنى، ساداقەتنى زەرگە سېلىشتۇرغىلى، قىلىچ بىلەن يوق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بىز پەرھەنتلىرىمىزنىڭ مەيلى بىلەن ماقۇل بولغاندۇق.
رەللە بولغان دوقاپبەگ جىم ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆسكىلەڭ بۇرۇتلىرى يېپىپ تۇرغان گۆشلۈك كالپۇكلىرى قىمىرلاپ، قىسىلغان كۆزلىرى يۇمۇلدى. ئۇ بىردىنلا:
— ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر! — دەپ قوپۇپ كەتتى، سېلىسى سىلكىنىپ كۈمۈش ئوتۇغات سىنگار يان بولۇپ قالدى. ئۇ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
— قاپۇقچى بېشى جانابلىرى، تاماق يەپ ماڭسىلا، — دېدى بەگتۆمۈر پەش قىپىپ ئىشىكتىن چىققان دوقاقبەگكە تونىنى سۇنۇپ.
— ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ يېنىدا بولمىسام بولمايدۇ، يۇغرۇش باشمۇ مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
دوقاقبەگ قول باغلاپ تۇرغان نۆكەرلەرگىمۇ قارىماي ھويلىدىن تېز چىقىپ كەتتى. خاس مەھرىمى ئۇنىڭغا ئاتان يېتىشتۈرۈپ بېشىغا قارا چەترىنى تۇتتى، يەنە بىر نۆكەر سوۋۇتۇلغان ئارغىماقنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
— كۆردۈڭمۇ ئوغلۇم، دوقاقبەگنىڭ ئەپسانىنى، مەن بارسام قىزىنى ئىككى قوللاپ تۇتىدۇ، دەپ ئويلىغان چىغى، — دېدى بەگتۆمۈر مېھماننى ئۇزىتىپ كىرىپ كېتىپ، — بالا رەستە بولۇپ قالدى، مېنىڭمۇ بۇرادەرلىرى ئادامتۇغرۇلنىڭ ئوغلىغا بەرگۈم بار، بولۇنبەگنىڭ كۆرىكى ئوغلىغا ياتلىق قىلغۇم يوق.
— مېنىڭمۇ پىكرىم شۇنداق، ئاتا. بولۇنبەگنىڭ ئوغلى بوزاغو ئاتىسىدەك ھىيلىگەر، كاززاپ ئادەم بوپتۇ، ئۇ ئوردىغا كەلگەندىن بۇيان، ئەمەلدارلار ئارىسىدا چىقىمچىلىق قىلىپ خېلى كۆپ كىشىلەر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قويدى. ئەتەڭدىن كەچكىچە مەنسۇر بۇغرا قاراخاننى ماختاپلا يۈرىدۇ. تولا خوشامەت قىلىپ مېنىمۇ بېزار قىلدى، ئۇ ھارامزادە. ئۇنى كۈيئوغۇل قىلىشتىن تەڭرىتائالا ئۆزى ساقلىسۇن.
رەيھاندىن ئاتىسى بىلەن سۆزلىشىشچە مېھمانخانىغا كىردى.
— ئەمدى بالام، دۈشمەنلىرى ئاۋۇيدىغان بولدى، پەخەس بولسىلا، — دېدى بەگتۆمۈر ئولتۇرۇۋېلىپ.
— بۇ دۇنيادا چايان، يىلانلار بولسىمۇ، ئادەملەر يەنىلا ھايات كەچۈرمەكتە، ئاتا. ئاقىللار «خودا ساقلىغان يەردە بالا يوق» دەپ بىكار ئېيتمىغان. بېقىر، پەرۋەردىگار ئالەمنىڭ ياخشى نىيەتلىك
① چەترى — كۈنلۈك.
بەندىسنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىغا ئىشىنىمەن.
- ئىشەنج ئادەمنىڭ يۆلىنىچۈكى، ئوغلۇم. «قورققانغا قوش كۆرۈنەر» دېگەندەك، قورققاقلار ئاسان بالا - قازاغا ئۇچرايدۇ.
- ئەلۋەتتە، شۇنداق، ئاتا.
- بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر كىچىك ئادەملەر ئەمەس، قاراخاننىڭ ئىككى شەمشىرى. ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.
- پېقىر ئوغلۇڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ دۇئا قىلىسلا، ئاتا. رەيھاننىڭ كۆز ئالدىغا مەنسۇر ئېلىخاننىڭ ئۆزىنى بۇغرا قاراخان دەپ جاكارلاپ تەختكە ئولتۇرغان كۈندىكى ئىشلار كەلدى. ئەھمەد بىننى ئەلى تۇغقاننىڭ جەسىتى قەبرىگە قويۇلۇپ، ئەتىسى مەنسۇر ئېلىخان ئۆزىگە قاراشلىق سىپاھلىرىنى ئوردىنى قورشاشقا يوشۇرۇن بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى. ئوردا قورشاۋغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بارلىق دۆلەت ئەركانلىرىنى بۇغرا قاراخان سارىيىغا يىغىپ:
- ئارسلانخان، ئېلىخانلار، يۇغرۇش، ھاجىپلار! بۇغرا قاراخان تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ تەختىگە چىقىشىمنى جاناپى ئاللا ئىرادە قىلدى. ھەممىڭلارنىڭ قوللايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىلكى، بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار يوق، ئەلۋەتتە.
- يوق! - چۇقان سالدى كۆپچىلىك.
- تاجو-تەخت، شان - شەرەپ بۇغرا قاراخان مەنسۇرخان ئالىيلىرىغا مەنسۇپ! - دېدى قولىنى كۆكسىگە ئالغان بولۇنبەگ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن.
- مەنسۇر بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىغا جان پىدا قىلىمىز، - دوقاقبەگمۇ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ پەرمانبەردار بولۇپ تۇردى. بىرقانچە مىنۇت داۋام قىلغان چۇقان - سۈرەندىن كېيىن، شەيخۇلىسلام بەگتاش ئابدۇللا داموللا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن تاچنى، ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد باغدادى زەر قىياق تۇتقان
شاھانە توننى مەنسۇرخانغا كىيگۈزدى. — قۇتاتسۇن! — مۇبارەك بولسۇن! — نامى ئالەمگە يېيىلسۇن! كۆپچىلىكنىڭ چۇقان - سۈرىنى بېسىلىپ تۇرۇشقا، تەختكە چىققان مەنسۇرخان يارلىق چۈشۈرۈپ دېدى: — ئاللا كەرىم بۇغرا قاراخانلىق تەختىنى ماڭا ئاتا قىلغانىكەن، ھېچقاچان شەرققىي ۋە غەربتىكى دۈشمەنلىرىم تارتىۋالالمايدۇ، — مەنسۇرخان كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىسىلىپ، چىرايىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئۆتكەنلىكى نامايان بولدى، — ماڭا ساداقەت بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇنبەگنى يوغروش بېشى، دوقاقبەگنى قاپۇغچى بېشى، مۇھەممەد باغدادىنى ئۇلۇغ ھاجىپ، ئارغۇن جالالىددىننى ئاغچى ئۇلۇغى، تۆمۈربۇقا نەسىردىننى سۇبېشى قىلىپ تەيىنلەيمەن. ئۇلارغا خىلئەت① بېرىلسۇن! ئالدىنئالا تەييارلاپ قويۇلغان تون، كۈمۈش ئوتۇغات، چەترى، ئېگەرلەنگەن بىردىن ئات ئۇلارغا تارتۇق قىلىندى. ئاندىن مەنسۇرخان ئون توققۇز نەپەر يوغروش، ئىككى نەپەر ئوردا بېگى، يەتتە نەپەر سۇبېشى، ئون بىر نەپەر ھاجىپنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارغىمۇ خىلئەت بېرىشنى ئەمىر قىلدى، ھاجىپلار ئىچىدە رەيھانىددىنمۇ بار ئىدى. ئوردىدا ئىشلەشتىن رايى يانغان بۇ ئادەم يەنە ھاجىپلىققا تەيىنلەنگەندىن بىئارام بولدى. نېمىشقا ئاغچى ئۇلۇغلۇقتىن قالدۇرۇپ قويدۇ؟ چوقۇم ئويلانغان رەيھانىدنىغا بەزى ئەھۋاللار ئايدىڭ بولدى: تۇغانخان ئۇشتۇمتۇت قازا قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆزلىرى باشقىلارغا ئاشكارىلانماي قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنسۇرخانمۇ بۇ ئابرۇيلۇق ئەرەبنى خىزمەتتىن
① خىلئەت — مەنسەپكە مۇناسىپ كۈمۈش ئوتۇغات، تون، قارا چەترى، قىلىچ، يا، نەيزە، ئېگەرلەنگەن ئاتتىن ئىبارەت تارتۇقنى كۆرسىتىدۇ.
قالدىرالماي، ھاجىپلىققا تەيىنلەشكە مەجبۇر بولغان. ئىلگىرىدىن مەنسۇرخانغا يېقىن بولغان بولۇنبەگ، دوقسابەگلەر پۇرسەت كەلدى، دەپ بىلىپ، رەيھاندىننىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەممەپەس ئارغۇن جالالىددىننى ئاغچى ئۇلۇغلۇققا قويۇشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقان…
رەيھاندىن يەنە ھاجىپ بولغاندىن بېرى، خېلى ئارام تېپىپ قالغان بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىپلا يۈردى. ئۇ ئىندىشچى بېشى① بولۇپ كەلگەن بىر شارابخورنىڭ بىر سەكرەپلا ئاغچى ئۇلۇغى بولۇپ قالغىنىدىن بەكمۇ ئۆكۈندى. ھەر كۈنى ئوردىدىكى زىياپەتتە بولۇۋاتقان ئىسراپچىلىق، قاقتى - سوقتى قىلىشلار، ئۇياق - بۇياققا ئەۋەتىلىۋاتقان سوۋغا - تارتۇقلار ئۇنىڭ ئەل غېمى بىلەن زەردە بولغان باغرىنى ئېچىشتۇراتتى. دۆلەت خەزىنىسى كۈنسېرى خاراپ كېتىۋاتاتتى. رەيھاندىن بۇنى ئۇلۇغ ھاجىپقا ئېيتتى. ئۇ بۇغرا قاراخان مەنسۇرخانغا يەتكۈزۈۋەردى:
— خاتىرجەم بولۇڭ ئۇلۇغ ھاجىپ، رەيھاندىنبەگ بۇنىڭغا ئارتۇقچە باش قاتۇرمىسۇن، — دەپ كۈلۈپ كەتتى. بۇنى ئاڭلىغان رەيھاندىن ئاغچى ئۇلۇغلۇقتىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندى…
يابىرا كىرىپ ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى.
— مېھمان كېتىپ قالدىمۇ؟ تاماكقا رىزقى چۈشمىگەن ئوخشايدۇ.
— شۇنداق، بالىلارنى چاقىرىڭ، تاماقتىن بىللە يەيلى، زەمىران مومىڭىزمۇ مەشەگە چىقسۇن، — دېدى بەگتۆمۈر داستىخان سېلىنىۋاتقان كېلىنلەرگە.
— ماقۇل، ئاتا، — يابىرا چىقىپ كەتتى.
رەيھاندىن ئاتىسىغا قاراپ دېدى:
① ئىندىشچى بېشى — ساقىي.
— ئاتا، ئۇلۇغ سۇلتان بۇغراخان قۇرغان بۇ دۆلەت ھازىر شۆھرەتپەرەس، نادان بىر خاننىڭ قولىغا قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاچ كۆز، خوشامەتچى، نائىنساپلار پايپېتەك بولۇپ، دۆلەت خەزىنىسىنى بۇزۇپ — چاچماقتا. ئاڭلىسام، مەنسۇرخان غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقى بىلەن بىرلىشىپ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھ ئۈستىگە يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ. ئاكىسىنى خۇدايىم قارا نىيەتكە يەتكۈزمىگەندى، بۇنىمۇ يەتكۈزمەس.
— ئاللاتائالا دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى تەڭشەپ تۇرغۇچىدۇر، بالام، شۇنداق كۆرۈنۈپ، ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلمايدىغان شۆھرەتپەرەس تۇغۇلغانخان نېمە بولدى؟ ئۆلدى، تۈگىدى. مەنسۇرخانمۇ خەلقنىڭ ھالىغا يەتمەي، قان تۆكمەكچى بولسا شۇم بېشىنى يەيدۇ.
— دېگەنلىرىدەك بولغاي، ئاتا، — دېدى رەيھاندىن يەنە بىر گەپ يادىدىن كېچىپ، — مەنسۇرخان غەزنەۋىيلەر سۇلتانىغا بويۇنباغنى يالۋاچ قىلىپ ئەۋەتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.
— كىمدىن ئاڭلىدىڭ بالام؟
— ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد بارسغاندىن.
— بالام، مەن خېلى يىللار ئىلگىرى، ئەھمەد تۇغۇلخاننىڭ چوك ئىنىسى ناسىر ئېلىكخان سامانىيلار زېمىنىنى بېسىۋېلىپ قاراخانىيلار ئېلىگە قوشۇۋالغانكەن، دەپ ئاڭلىغانىدىم. ئەمما، غەزنەۋىيلەر توغرۇلۇق ئاڭلىمىغانكەنمەن. ئۇ بىزنىڭ بۇغرا قاراخان ياردەم سورىغۇدەك شۇنداق كاتتا ئېلمۇ؟ — سورىدى بەگتۆمۈر. سودا ئىشلىرىغىلا كۆڭۈل بولۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان بۇ ئادەم ئوغلى ھاجىپ بولغاندىن بېرى خاقاننىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقى توغرۇلۇق، ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەجەبلىنەرلىك پاراڭلارنى ئاڭلاپ، بارا — بارا دۆلەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. رەيھاندىن مۇنداق دېدى:
ئەسلىدە غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقى سامانىيلار پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ چىققان. سامانىيلار سۇلتانلىقىغا ماۋەرائۇننەھر، خۇراسان، جۇرجان قاتارلىق باياشات كەڭ زېمىنلار قارايتتى. غەزنە شەھرى خۇراسان تەۋەلىكىدىكى ئاۋات شەھەر ئىدى. ئوغۇزلاردىن بولغان يارقا تېكىن بۇ شەھەرنىڭ باش ئەمىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئالپ تېكىن نىشاپۇرغا ھۆكۈمران ئىدى. بۇ ئەقىللىق، باتۇر شاھزادە يۈرەكلىك ئىش ئېلىپ باراتتى. ئۇ ئاتىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سامانىيلار پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ مۇستەقىل بولۇۋالغانىدى. سامانىيلار پادىشاھى نۇھ، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلمەلىك بىر قانچە قېتىم لەشكەر تارتىپ بارغان بولسىمۇ مەغلۇپ قىلىنىپ، ئالپ تېكىن پۈتۈن خۇراساننى ئېلىككە ئالدى. غەزنە شەھرىنى پايتەخت قىلىپ، مەملىكەتنى «غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقى» دەپ ئاتىدى. غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە زېمىنىنى ھىندىستان، ئافغانىستان دىيارىغىچە كېڭەيتىپ قۇدرەت تاپقان ئىسلام مەملىكىتى بولۇپ قالدى.
بالام، ئۇنىڭ ھازىرقى پادىشاھى كىم؟
سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى، سۇلتان سابۇق تېكىننىڭ ئوغلى، غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقىنى قۇرغان ئالپ تېكىننىڭ نەۋرىسى. ئۇ بوۋىسىدەك ناھايىتى باتۇر، چارە تەدبىرلىك، يىراقنى ئويلاپ ئىش قىلىدىغان بىلىملىك پادىشاھ. ئاڭلىشىمچە، ئۇنىڭ يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ئىكەن. مەنسۇرخاننىڭ غەرىزى بۇ مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ، غەزنەۋىيلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى كېڭەيتىش بولسا كېرەك.
بۇنىڭغا قارىتا سىلى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىلا بالام؟
يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھقا مەكتۇپ ئەۋەتمەكچىمەن ئاتا، دېدى رەيھاندىن قەتئىي ھالدا.
— كىمدىن، بالام؟ — بويانقاردىن. زەمىران ئانامنى يېتىلەپ، يۈسۈپنى كۆتۈرۈپ كىرگەن قىزلار ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈپ قويدى. — ئولتۇرۇڭلار، بالىلىرىم، ئولتۇرۇڭلار، ماۋۇ ئەزىمەتنى ماڭا بېرىڭلار، — بەگتۆمۈر قۇمبانىڭ قولىدىن نەۋرىسىنى ئالدى. يۈسۈپ تەڭدىن تولۇپ ئاقىرىپ كەتكەن ئۆزۈن ساقالغا قول ئۇزارتتى. — تاماقتىن سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇپ كىرىڭلار، ئاشانبۇقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چاقىرىپ بىللە غىزالانساقمىكىن دەيمەن. بىر داستىخاندا ئولتۇرمىغىنىمىزغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى، — دېدى رەيھاندىن قىزلىرىغا قاراپ. — قىزتۇرمىش بارسۇنمىكىن، — يابىرا داستىخانغا غىزا قويۇۋېتىپ ئېرىدىن سۆز كۈتتى. — قىزتۇرمىش بىلەن مەن بىللە باراي، — دېدى ئايسىلىق دەسسەپ تانىسىغا، ئاندىن ئاتىسىغا بېقىپ. — ماقۇل، بارغىن قىزىم، — رەيھاندىن باش لىڭشىتتى. — بويانقارنىمۇ چاقىرىپ كېلەمدىمەن؟ — بوش ئاۋاز بىلەن سورىدى ئىشىك تۈۋىگە بارغان ئايسىلىق ئارقىسىغا قايرىلىپ. — ئاشانبۇقا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى، بالام. قىزىرىپ كەتكەن ئايسىلىق قىزتۇرمىش بىلەن ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى… بىر ھەپتە ئۆتتى. بويانقار يولغا چىقىدىغان كۈننىڭ ئاخشامى ئىدى. ئاشانبۇقنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرگەن ئايسىلىق قىلىچىنى بىلەۋاتقان بويانقارنىڭ يېنىغا ئاستا كەلدى — دە، بىر ياشلىق بىلەن غىلاپقا سېلىنغان خەنجەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ھېچنېمە دېمەستىن ئېتتەك كەينىگە ياندى. گويا پۈتۈن سەزگۈسى تورمۇزلىنىپ قالغاندەك، قاققان
قوزۇق كەبى تۇرۇپ قالغان يىگىت ئاستا - ئاستا ئۆزىگە كەلدى. ئەتراپىغا شۇنچە قاراپمۇ ئايسىلىنى كۆرمىدى. ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىپ كېلىشى شۇنداق ئۇشتۇمتۇت بولغانىدىكى، بۇنى كۈتمىگەن يىگىت ھەيرانۇھەس بولۇپ، ھاياجانلانغىنىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانىدى. ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، سوپىدا خورجۇنغا كىيىم - كېچەك، نەرسە - كېرەكلەرنى سېلىۋاتقان ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈپلا، ياقىلىق بىلەن خەنجەرنى قوينىغا يوشۇردى. كەينىگە يېنىپ ئۆز ھۇجرىسىغا كىردى. دېرىزىدىن چۈشكەن ئاينىڭ كۈمۈش نۇرى قىلىچ بېسىدا ئويناپ، قىزغۇچ - ئاق شۇلا ھاسىل قىلغانىدى. بويانقار قويدىن ياقىلىقنى ئېلىپ، بۆرجىكىگە ئاجايىپ چىرايلىق كەشتىلەنگەن بىر جۈپ يۈرەكنى كۆردى …
ئالتىنچى باب: رەقىبگە غالىب كەلگەن ئەزىمەت
1
يۈسۈپ ئالتە ئايلىق بولۇپلا ئولتۇردى. قارا كۆز، قارا قاش بۇ سەبىي گۆدەك، يۇيۇلۇپ سۈرتۈلگەن قاشتېشىدەك سۈزۈلۈپ ئوماقلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ كۆلگەندە مەڭزىدىكى كىچىككىنە قىزىللىق ئاستىدا غۇنچە - پۇرىكتەك زىنخ پەيدا بولۇپ، ئۇنى بەكمۇ يېقىملىق قىلىۋېتەتتى. ئۇنىڭ كىيىم - كېچىكى كۆپ ئىدى. ئايتولۇن، ئايسىلىق بۇ ئۆكسىزگە ھەپتىدە دېگۈدەك كۆڭلەك - ئىشتانلارنى تىكىپ تۇراتتى. يابىرا ئۇنى قىرقى بولغاندا يۇيۇندۇرغان تەشتەكتە كۈندە ئىككى قېتىم يۇياتتى. يۈسۈپ ئەمدى يىغلىماي سۇنى چاۋاكلاپ، پۇت ئېتىپ سۆيۈنۈپ كېتەتتى. بۇدراچ موماي ئوغلاق تېرىسىدە گۈل چىقىرىپ تىككەن چورۇق، كەش، قۇمبا تىكىپ بەرگەن بادام دوپپا، چىمەن دوپپىلار بۇ سەبىي گۆدەككە ئاجايىپ يارىشاتتى.
يۈسۈپنى كۆتۈرۈپ ئويناشقا ئاچىلىرى خۇمار ئىدى. بولۇپمۇ، ئايسىلىق پات - پات ئۇكىسىنى ئاچىقىپ، ئاشانۇقنىڭ ئۆيىدە ئوينىتىپ كېلەتتى. بويانقار قەشقەرگە كەتكەندىن بېرى قىز ئىككى قېتىم باردى. بۇدراچ موماي خۇشال بولۇپ يىغلاپ تاشلىدى.
كۆپ ۋاقىتلاردا يۈسۈپنى قىزتۇرمۇش باقاتتى. قىزلار كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىش قىلغاندا، باغ سەيناسىدا ئوقيا ئېتىش، نەيزە سانجىش، قىلىچۋازلىق مەشىقلىرىنى قىلىشقاندا، بۇ ئۆسمۈر
143
قىز بالىنى باققاق قىزىقىش بىلەن قاراپ قالاتتى.
رەيھاننىڭ قىزتۇرمىشى قول بازىرىدىن سېتىۋالغىنىغا ئۈچ يىل بولغانىدى. ئاتا - ئانىسى يوق بۇ قىزغا، ئازار يەپ قالمىسۇن دەپ، ھەممىلا يەردىن سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى. قىزمۇ ئۆزۈمگە گەپ كەلتۈرۈۋالماي دەپ، ئىشلارنى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلاتتى. يۈسۈپ تۇغۇلغاندىن بېرى، يابرا بۇ قىزنى باشقا ئىش قىلدۇرماي، ئوغلىنى بېقىشقا قويغانىدى.
رەيھاننىڭ ئوردىغا ماڭغاندا، كەلگەندە يۈسۈپنى قولىغا ئېلىپ، پېشانىسىگە سۆيمەي تۇرۇپ باشقا ئىشقا قولى بارمايتتى. بۇ گۆدەك ئانىسىنى كۆرسە ئاجايىپ خۇش بولۇپ كېتەتتى: قوللىرىنى سوزاتتى، ئىنقىلاپ كۈلەتتى، تەلپۈنەتتى، ئىنتىلەتتى، زادىلا جىم تۇرمايتتى. ئانىسىنىڭ ئاپپاق سىلىق قولى يېتىدىغان بولۇپ قالغىچە، كۆتۈرسىلا پېشاندىن تارتىپ چۆچۈۋېتەتتى ياكى ساقىلىنى تارتىپ ئوينايتتى. ئۇ بوۋىسى بەگتۆمۈرگىمۇ ئارام بەرمەيتتى. بوۋاي يۈسۈپ تۇغۇلغاندىن بېرى، بۇ نەۋرىسىنى باقمەن دەپ خېلىلا تېتىكلىشىپ قالغانىدى، زېمىران ئانىمۇ ياقاق، بادام مېغىزى بىلەن نان چايناپ يېگۈزۈپ قويمىسا، ئۆزىمۇ تاماقتىن يېگەندەك بولمايتتى. چوك - كىچىك ھەممىلا يەردىن قىلىقى تاتلىق يۈسۈپكە ئەنە شۇنداق زىيادە ھېرىس ئىدى. «بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار» دېگەن شۇ - دە. ھەممە ئىش ئۆز تەرتىپى بىلەن قىلىنىدىغان ۋاق - چۆكسىز بۇ ئائىلىنىڭ جىمجىتلىقى يۈسۈپ تۇغۇلغاندىن بۇيان بۇزۇلغاندەك قىلاتتى.
بۈگۈن قىزتۇرمىش يابرا يۇيۇپ كىيىندۈرۈپ بەرگەن يۈسۈپنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى. بىر ئۈستەك غول سۆ ئىشىك ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى.
بەگبۇقا مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۇزۇن كوچا ناھايىتى كۆجۈم ئىدى. مەھەللىدە ياغما، قارلۇق، قىپچاق، چىگىل قەبىلىلىرىنىڭ ھاللىق جەمەتلىرى ئولتۇراقلاشقانىدى.
بەگبۇقا ھەممىدىن بۇرۇن قۇرۇپ - جاي قىلىپ يەرلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەھەللە «بەگبۇقا مەھەللىسى» دەپ ئاتالغانىدى. مەھەللە ئەللىك - ئاتمىش يىلدىن بېرى كېڭىيىپ ئۆزگىرىپ، بالاساغۇننىڭ غول كوچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانىدى. ئۈستىگىنىمۇ بەگبۇقا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چاپتۇرۇپ، چۇ دەرياسىدىن سۇ باشلاپ، دەل - دەرەخ قويۇپ، ئۆز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ كوچىنى تېخىمۇ چىرايلىق، خۇش ھاۋا قىلىۋەتكەنىدى.
قىزتۇرمىش ئەگمە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، ئۈستىگىنىڭ بويىغا چۈشتى، قۇم دۆۋىسىدە بالىنى ئولتۇرغۇزدى، ئۈستىگىدىن ئوچۇملاپ سۇ ئېلىپ قۇمغا قويۇپ بېرىۋەردى، يۈسۈپ چاۋاكلاپ ئويۇنغىلى تۇردى. بىردەمنىڭ ئىچىدە، ئۇ ئۆي - بۇ ئۆيدىن چىققان گۆدەكلەر يۈسۈپنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، قۇمنى دۆۋىلەپ ئۆي، گۈمبەز ياساشقا كىرىشتى.
ئۈچ ئات قوشۇلغان بىر چوق مەپىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىغانلىقىنى كۆرگەن قىزتۇرمىش «بولار كىمدۇ؟» دېگەندەك قىلىپ قاراپ تۇردى.
ئاق پەرىجە ئارتقان سۆلەتلىك ئىككى ئايال خارۇدىن چۈشتى. ئارقىدىن باشلىرىغا رومال سالغان ئىككى ئايالمۇ چۈشۈپ، بىرى خارۇدىن ئۈستى يېپىلغان بىر تەخسە ناننى ئېلىپ باش ئۈستىگە قويدى. بىرى ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىشىكنىڭ ئۈچ ھالقىسىنى قاقتى. ئايسىلىق چىقىپ ئۇلارنى باشلاپ كىرىپ كەتتى.
ئادەتتە بىرەر سائەت ئوينىغاندىن كېيىن، قىزلارنىڭ بىرى چىقىپ ئۇلارنى ئېلىپ كىرىپ كېتەتتى. بۈگۈن ئۇنداق بولمىدى. يۈسۈپ ھەتتا ئېمىشنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتى.
كۈن قىيام بولاي دېگەندە، تاراققۇدە ئېچىلغان ئىشىكتىن باياقى مېھمانلار يانمۇيان، بۈدرەچ موماي، ئايال دېدەكلەرنىڭ
145
ھەمراھلىقىدا ئوزاپ چىقىپ، مەپىگە ئولتۇرۇپ كېتىشتى. — قىزتۇرمىش! — چاقىردى ئايسىلىڭ. بېشىغا قۇم قويۇپ ئويناۋاتقان يۈسۈپ ئاچىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قوللىرىنى ئوزارتتى. ئۇستىكەن بويىغا چۈشكەن ئايسىلىڭ: — ۋاي خۇدايىم، قىزتۇرمىش، بالىنى شۇنداق باقامسەن؟ قارا ئۇنىڭ بولۇپ كەتكىنىنى. قوپە، ئۆيگە كىرىپ كېتىمىز! — دېدى ئاچچىقلاپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىنلا رەيھاندىن ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بېشىغا قارا كۆڭلۈك تۇتۇپ كەلگەن خىزمەتچى ئادار ئاتنى قولىدىن ئېلىپ ئېغىلغا ئەكىرىۋەتتى. پېشايۋان سۇپىسىدا ئولتۇرۇشقان ئاتا — ئانىسىغا كۆزى چۈشكەن رەيھاندىن «ئادەتتە ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىدىن چۈشتە چىقىشمايتتى، مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقاندەك قىلىدۇ، بىر گەپ بار» دەپ ئويلاپ، ئېھتىيات بىلەن ئۇلارغا سالام بەردى. بەگتۈمۈر: — كەلسىلە بالام، يوللىرىغا قاراپ ئولتۇراتتۇق. كېچىكىپ قالدىلىغۇ؟ — دەپ ئۇنى يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. — مەنسۇر بۇغراخان تايانغۇلار كېڭىشىنى ئۆتكۈزگەنىدى، كېڭەش تۈگىمەي كېچىكىپ قالدىم، ئاتا، — رەيھاندىن تونىنى سىلىپ يانپاشقا بەردى — دە، ئوغلىنى قولىغا ئالدى. — مۇنداق دېسىلە بالام. نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ ئەنسىرەپ قالغاندۇق. — مەنسۇر بۇغرا قاراخاننىڭ قورسىقىغا جىن كىرگەندەك قىلىدۇ، ئاتا. غەزنىۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ كۈچ — قۇدرىتى توغرىسىدا كۆپ گەپ سېپىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىشە بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇقلا ئېيتتى. قۇدىلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەردى. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنى «مېنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇ ئالدىمغا باش ئېگىپ كەلمىسە، مەن
قىلىچ كۆتۈرۈپ ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ بارىمەن» دەپ ھەممىنى چۆچۈتۈۋەتتى. بولۇنباگ، دوقاقبەگلەر «ئالىيلىرىنىڭ قارارى ئەلنى سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يارلىق، بىز ئىجرا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار» دېيىشىپ خوشامەت قىلىشتى. باشقا يۇغرۇش، ھاجىپلارمۇ پېرمانبەردار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن ئەمەس، ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويغانلىقىنى چىرايلىرىدىكى ۋەھىمىدىن، قاراشلىرىدىكى ئەنسىزلىكتىن بىلدىم، — رەيھاندىن ساقلىغان ئېسىلغان يۈسۈپنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — مەن ئۈن چىقماي ئولتۇردۇم، ئاتا، ئېغىز ئاچساملا، مەنسۇرخاننىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقىم تېپىپ تۇراتتى. ئۇ ھالدا ئارزۇ - ئارمانلىرىم تۈتەككە ئايلىنىپ كېتەتتى. لېكىن، كېيىننى ئويلاپ ئۆزۈمنى تۇتتۇم. ئەگەر ئۇنى قوللاپ سۆز قىلسام، ۋىجدانىمغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىم. بۇنداق قىلىش مەن ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. قوللىماي، قارشىمۇ تۇرماي زۇۋان سۈرمەسلىكنى ئەۋزەل بىلدىم. لېكىن، بۇ ماڭا بەك ئېغىر كەلدى.
— ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالغانلىرى ئوبدان بوپتۇ، بالام. غالجىرلاشقان يولۋاس ئالدىدىن ساق چىقىپ كېتىشنىڭ ئۆزى دانالىق. بىكاردىن - بىكار يەم بولغاندىن، ساق قېلىپ ئونىڭغا قارشى تۇرغان ئەلا.
— ئاتا، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنى مەنسۇرخاننىڭ قارا نىيىتىدىن واقفىلاندۇرۇش ئۈچۈن، بويانقارنى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ ياخشى قىلغانىكەنمەن. پەقەت شۇلا خودا بۇيرۇسا ئەلگە كەلگەن بالا - قازانىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
— شۇنداق بولۇشقا ئاللا نېسىپ قىلسۇن، بالام. مەن پادىشاھلارنى تازا چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ، كېلىپ - كېتىپ تۇرغان سودىگەرلەردىن، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ
ياخشى تەرىپىنى ئاڭلىدىمكى، يامان گېپىنى ئاڭلىمىدىم. ئەل غېمىنى يېمىگەن پادشاھنىڭ يىرتىقۇچ قاغاندىن پەرقى نېمە؟! … رەيھاندىن ئاتىسىنىڭ سۆزىگە سەما بولۇپ ئولتۇرۇپ، ئايتولۇننىڭ بۇ يەردە يوقلۇقىنى بىلدى. «قىزىم نەگە كەتكەندۇ؟» دېگەن نەزەردە مەھبۇبقا قارىۋىدى، ئۇ قىيىنئاتىسىغا: — ئاتا، بايا كەلگەن مېھمانلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بەرمىدىلىغۇ، — دەپ، يۈسۈپنى تېزلا دەسسەپ ئوينىتىۋاتقان ئېرىگە مەنىلىك باقتى ھەم، — ئەمدى ھۇجرىلارغا چىقىپ ئارام ئېلىڭلار، — دەپ ئايسىلىگ، ئايتمىش، ئارچۇنلارنى ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈۋەتتى. — بالام، بايا ئوردىنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. ئەتەنگەن كۈن ئۆرلىگەن چاغدا، ئادامتۇغرۇلنىڭ ئۆيىدىن قىزىمىز ئايتولۇننى سوراپ ئەلچى كەلگەنىدى. — ئادامتۇغرۇلنىڭ ئۆيىدىن؟ — تەقەززا بولۇپ سورىدى رەيھاندىن. — ھەئە، بالام. — كىمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپتۇ، ئاتا؟ — ئادامتۇغرۇل ئۆز ئاچىسى سەھىچە خېنىمنى. — سەھىچە خېنىم بەك ئۇغلۇق، نازاكەتلىك جۇۋان ئىكەن، بالام، — ئېرىنىڭ ئاغزىدىن سۆزنى تارتىۋالدى زەمۇران ئانا، — ئۆزىمىز ئادامتۇغرۇلنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئەلچى كىرگۈزگۈسى بار ئىكەن. ئوغلىمىز بەگتۈرمىشنىڭ رىھلەت قىلىشى ئۇلارنىڭ قارارىنى ئارقىغا سۈرۈۋېتىپتۇ، كېيىن «ئەمدى ئەلچى كىرگۈزەيلى» دەپ تۇرغاندا، بولۇنبەگنىڭ ئەلچى كىرگۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىككى خىيال بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاخىر ئۆزۈمىش: «سىلەر قول قوشۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرساڭلار تۇرۇۋېرىڭلار، مەن ئايتولۇننى ئېلىپ قېچىپ، قەشقەرگە ياكى رۇمغا كېتىمەن» دەپ
لەيلىگە ئاشىق بولغان مەجنۇندەك پەرياد چەككەندىن كېيىن، ئادامتۇغرۇل ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكنى ھېس قىلىپ، بۈگۈن ئاچىسىنى ئەلچى قىلىپ كىرگۈزۈپتۇ. ئۆتمۈش جاۋابىنى ئاڭلىمىغۇچە ھېچ يەرگە بارمايمەن، دەپ ئۆيدە كۈتۈپ قاپتۇ. بۇنى سەمىمىيەت دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. شۇڭا، سىلەرنىڭ كېلىشىڭلارنى زارىقىپ كۈتۈپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ.
رەيھاندىن كۈلۈمسىرىدى.
— نېمىدەپ جاۋاب بېرىشتىلا، ئانا؟ — سورىدى ئۇ بىر چاغلاردا قايچىقۇلاق بولۇش ئارزۇسىدا ئادامتۇغرۇل بىلەن دوستلاشقانلىقى يادىدىن كېچىپ.
— قىزنىڭ ئاتىسى سىلى، بالام. مەسلىھەتلىشىپ جاۋاب بېرىلى دەپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويدۇق، — زەھىران ئانا يابراغا ئىللىق نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ چۆشەنگەندەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك بىر تەخسە ناننى كۆتۈرۈپ چىقتى. قىزارتىپ پىشقان كۆنجۈتلۈك توقاچنىڭ مەززىلىك ھىدى رەيھاننىڭ دىمىغىغا ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تۇيغۇسىغا خۇشلۇق بېغىشلىدى.
قىزلىق ئائىلىگە نان كۆتۈرۈپ بېرىش ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئادىتى ئىدى. باي، ھاللىق ئائىلىلەر بىر تەخسە ياكى بىر داستىخان نان، ئوتتۇرا ھاللىرى بىر تەخسە نان، كەمبەغەل - غېرىبلار بەش نان ئېلىپ باراتتى. قىزلىق تەرەپ ماقۇل بولسا ناننى قوبۇل قىلاتتى، ماقۇل بولمىسا قوبۇل قىلمايتتى.
— ناننى قوبۇل قىلىشقانلىرى ماقۇل بولغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. يەنە مەسلىھەت قىلىشقا ھاجەت قالماپتىغۇ.
يابرا بۇ گەپكە قېيىنئانىسىنىڭ جاۋاب بەرمەي، ئۆزىگە كۆز ئىشارىتى قىلغانلىقىدىن مەنىسىگە يېتىپ:
— يەنە دېدەم ①، ئۈزۈكمۇ بار، — دېدى ئېرىنىڭ ئالدىغا
① دېدەم — توي كۈنى قىز كىيىدىغان تاج.
كۈمۈش رەڭ پەتنۇسقا ئېلىنغان نەرسىلەرنى قويۇپ. — ئوھۇي، قىزىمىزنىڭ بېشى باغلىنىپ بوپتۇغۇ، — رەيھاننىڭ كۆڭۈل ئاسمىنىدىكى بۇلۇتلار تارقاپ، چېھرى پۈتۈنلەي ئېچىلدى، — بولۇنباگكە قىزىمىزنىڭ بېشى باغلاقلىق، دەپ جاۋاب بەرگەندۇق، ئاغزىمىزدىن سائەت چىقىپتۇكەن. — سىلىنىڭ ماقۇل بولىدىغانلىرىنى بىلەتتۇق، بالام. شۇنداق بولسىمۇ، قىزلىق تەرەپنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن سەل ئارقىغا تارتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈشنى يابىرا قىزىم توغرا تاپتى. ئۆلار ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىپ جاۋابىمىزنى ئاڭلايدىغان بولدى. — ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، ئانا. جانابى ئاللا بۇ توينى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئەگەر ئوغلۇم بەگتۈرمىش ھايات بولسا، ئادامتۇغرۇل بىلەن قايچاقۇدا بولاتتۇق. خەيرىيەت، ھېلىمۇ ئارزۇيىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق. بەگتۈرمىشنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ يابىرا ئۈنسىز يىغلىدى. تۇنجى بالىسىنى قانداقمۇ ئۇنتۇسۇن، ئۇنىڭ گېپى بولسىلا كۆز يېشىنى تۇتۇۋالالمايتتى. شۇڭا، رەيھاندىن ئۇ توغرۇلۇق كەم گەپ قىلاتتى. بەگتۈمۈر، زەمۇران ئانىمۇ تۇنجى ئوغۇل نەۋرىسىنى ئەسلەپ يىغلاپ كېتىشتى. رەيھاننىڭ تۇنجى بالىسى بەگتۈرمىشنى ئەسلىمەيدىغان كۈنى يوق ئىدى. قۇمبانى كېلىن قىلىۋېلىش ئارزۇسىنىڭ يوققا چىققاندىن كۆپ ئەپسۇسلىناتتى. ئۇ بۇ ۋاقىتقا قەدەر بۇرادىرى ئادامتۇغرۇلنىڭ ئەلچى كىرگۈزمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالغانىدى. قىزى بار ئادەم ياخشى كۆيۈئوغۇلغا ئېرىشىشنى، ئوغلى بار ئادەممۇ ئابادان كېلىننىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. رەيھاندىن ئۆدۈمنى كۆيۈئوغۇل قىلىۋېلىشنى قانچە ئارزۇ قىلسا، ئادامتۇغرۇل ئايتولۇننى كېلىن قىلىۋېلىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلاتتى. ئۆدمىش ئايتولۇننى قانداق ياخشى كۆرسە، ئايتولۇن ئۆدمىشنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى.
2
بىر - بىرىگە خىل كېلىش بەختى ھەممە ئائىلىلەرگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ.
ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئەلچىلەر يەنە كەلدى ۋە رازىلىق بەلگىسى بولغان كۈمۈش بەلباغنى ئېلىپ قايتتى. چوغىلار ئىككى ھەپتە تەييارلىقتىن كېيىن، كۈز ئېيىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى — پەيشەنبە كۈنى باغات يېزىشقا ئولتۇرۇشتى.
ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن قۇياشنىڭ شولىسى ئايۋان دېرىزىسىگە جۇلا تاشلىغانىدى. يۈسۈپنى يېنىغا قويۇپ، قولىغا قەلەمىتراچنى ئالغان رەيھاندىن ئاتىسى بەگتۆمۈرگە:
— مەن توغقانلارغا يازاي، سىلى مەھەللىدىكىلەرگە يازسىلا. ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن - كاسىپلارغا بۇرادەرلىرىم كەلگەندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ يازارمىز، — دەپ، تاختا - تاختا خوتەن قەغىزىنى باغات يېزىشقا لايىق قىلىپ كېسىپ تىزدى. قەلەمىتراچنى ئويۇققا قويۇپ قۇمۇش قەلەمنى ئالدى. باياتىن قارا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ، قىزىقسىنىپ ئولتۇرغان يۈسۈپ ئەمدى باغات يېزىشقا كىرىشكەن ئاتىسىنىڭ يېڭىگە ئېسىلدى.
— بالام، باغات يازغىلى قويغىن، سېنى ئاناڭ يېنىدىن ئېلىپ كىرمىسەم بوپتىكەن، — رەيھاندىن ئۇنى تەكچە يېنىغا ئاپىرىپ قويدى.
رەيھاندىن باغات يازغىلى تۇرۇۋىدى، بىردىن قولى تارتىلىپ، خەت جىجىلىپ كەتتى.
— ئاپلا، ماۋۇ بالىنى، — رەيھاندىن قولىغا يېپىشقان يۈسۈپنى تەكچىگە ئېسىلدۇرۇپ قويۇپ يەنە يېزىشقا تۇتۇندى.
ئاستا ئولتۇرۇپ، سىپىلاپ كەلگەن يۈسۈپ بىردىن قەلەمگە ئېسىلىپ تارتتى. باغات بۇزۇلدى. ئۇ پىخىلداپ:
151
— ئاتا، — دەپ تېپىچەكلىدى. تەستىككە بىرنى سالماقچى بولغان رەيھاندىن ئونىڭ «ئاتا» دېگىنىدىن سۆيۈنۈپ باغرىغا تارتتى. — تىلى چىقىپتۇ نەۋرەمنىڭ، «بوۋا» دېگەنە بۇغرام، — دېدى باھاق يېزىۋاتقان بەگتۆمۈر بېشىنى كۆتۈرۈپ. — بوۋا، ئاتا! — يۈسۈپ قەلەمنى ئاق قەغەزگە تەگكۈزۈپ ۋىلىقلاپ كۈلدى، — ئاتا، بوۋا… — ھە، سەن تېخى خەت يازماقچى بولۇۋاتامسەن جىگىرىم. ماڭماي تۇرۇپ بىزگە ئارام بەرمەيۋاتىسەن. ماڭغىنىڭدا گەپ بار ئوخشايدۇ. ماقۇل ئوغلۇم، ساڭا بىرىنچى باھاقنى يازغۇزاي. رەيھاندىن يۈسۈپنىڭ قومۇش قەلىمى چىڭ قاماللىۋالغان بۆدرۈق قولىنى تۇتۇپ، قېيىنئاتىسى شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللىغا ئەۋەتىلىدىغان باھاقنى يازغۇزدى. — مانا، توي نىكاھىنى قىلىدىغان بوۋاڭغا باھاق يازدۇق بالام. بۇ توي ئائىلىمىزگە قۇت ئېلىپ كەلگۈدەك. — ئىنشائاللا، — بەگتۆمۈر مەستلىكى كېلىپ يۈسۈپنى قولىغا ئېلىۋالدى، — ئوغلۇم، بۇ نەۋرەمدە بىر خاسىيەت بار. قارىسلا ئونىڭ قەلەمگە ئۆمتۈلۈپ تۇرغىنىنى، قەلەمدار بولغۇدەك. — مەنمۇ ئونىڭ قەلەمدار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئاتا، — رەيھاندىن ئەللىق نەزىرى بىلەن ئوغلىغا قاراپ قويۇپ باھاق يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. توي كۈنى كىچىكچە مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇغرا قاراخان مەنسۇرخانمۇ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن يۈزدىن ئارتۇق جاندارنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا كېلىپ تويغا داخىل بولۇپ ياندى. بەگتۆمۈر قۇدۇسى ئابدۇللا داموللا شەيخۇلىسلام بىلەن بىرلىكتە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەنلەرنى ئۆيگە باشلاپ، قايتقانلارنى ئۇزىتىپ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. رەيھاندىن ۋە ئادامتۇغرۇل توپ — توپ بولۇپ ھويلىغا كىرگەن
مېھمانلارنى كۈتۈشكە، ئۇلاردىن دۇئا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قېلىشتى.
قاش قارايغان مەھەلدە، ئۇتقاشلارنى كۆتۈرگەن نەچچە يۈز ئاتلىق يىگىت يوللۇق شاھى تون كىيىپ، يېشىل سەللە ئورىغان، كۈمۈش بەلباغ باغلاپ خەنجەر ئاسقان ئۆدەمنى ئارىغا ئېلىپ، «ئاللا! - ئاللا!» دەپ توۋلاپ يېتىپ كېلىشتى. قىزىل تورۇققا مىنگەن يەتتە نەپەر يىگىت يولداشلىرى قاراگەر ئۈستىدە مەغرۇر ئولتۇرغان ئۆدەمنى چۆرىدىۋالغانىدى. ئاق قاشقا جەدىگە مىنگەن ئوتتۇز يىگىت ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا سەپ تارتقانىدى. سەپ ئالدىدىكى تۇغ - ئەلەملەر قادالغان ھارۋىدىكى شادىيانچىلار بوقرا - كاناي، ناغرا - سۇناينى ياڭراتماقتا ئىدى. رەيھاندىن ئاتتىن چۈشكەن يىگىتلەرنى ھويلىغا باشلىدى. كۆل بويىدا ناغرا - سۇناي ياڭراپ يىگىتلەر ساماغا چۈشتى.
ئادامتۇغرۇل ساماغا چۈشكەن ئوغلى ئۆدەمىنىڭ بېشىدىن ئۈچ كۈمۈش يامبۇ ئۆرىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ تويىنى قىلىۋاتقاندىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشلۇققا چۆمگەنىدى. رەيھاندىن بولسا كۈيۆئوغلىنىڭ بېشىدىن تىللا ئۆرىدى. بەگتۈرمۈش كۆز ئالدىغا كېلىپ، كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدە ياش لىغلەندى.
تەكىچىلەرگە قويۇلغان، پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكلىرىگە، دەرەخلەرگە ئېسىلغان قەندىللەردىكى شام چىراغلار ھويلىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ، لىق سۇ تولدۇرۇلغان كۆل ئىچىدە ھال رەڭ شۆلىلەرنى پەيدا قىلغانىدى.
مەيىن كۈز شامىلى كۆل بويىدىكى مەجنۇنتاللارنى ئۇسسۇلغا سالغانىدى. پەردىسى قايرىلىپ دېرىزىلەردىن، پېشايۋان تۈۋرۈكلىرى كېيىنكى، دەھ - دەرەخلەر ئارىلىرىدىن مارىغان يۈزلۈگەن كۆزلەر، چۆرىدەپ ساما سېلىۋاتقان يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆدەمنىڭ تىكىلگەنىدى.
رەيھاندىن يىگىت بېشىغا ئېيتىپ، سامادىن توختىغان يىگىتلەرنى ساراي، ئايۋان، پېشايۋانلارغا ئولتۇرغۇزدى. ساراينىڭ
153
تۆرىدىن شەيخۇلئىسلام ئابدۇللا داموللا ئورۇن ئالغانىدى. ساراينىڭ ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭىدا ئۆدەش يولداشلىرى بىلەن يۈكۈنۈشتى. شەيخۇلئىسلام ئاللاھقا ھەمدۇسانا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ، چاھار يارلارغا سالام يوللىغاندىن كېيىن دېدى:
— ئوغۇل — قىز پەرھەنتلەرنىڭ نىكاھلاندۇرۇپ تويىنى قىلىش — ئاتا — ئانىلار ئۈچۈن پەرزدۇر. تويىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەرھەنتلەرنى بېقىپ، تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇشتىن ئىبارەت ئاتا — ئانىلار زىممىسىدىكى ئۆتەشكىلا تېگىشلىك ۋەزىپە ئادا بولغان بولىدۇ. ئەگەر شارائىتى، ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق قىزىنى ياتلىق قىلمىسا، ئوغلىنى ئۆيلىمىسە ئۇ ۋەزىپە ھەرگىز ئادا بولمايدۇ. نىكاھ بالىغەتكە يەتكەن قىز — ئوغۇلنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلىنىدىغان پەرزدۇر. رازىلىق بولمىسا نىكاھ ئاللا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، پەرزىمۇ ئادا بولمايدۇ. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنى زۇلۇم بولىدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ نىكاھ سورۇنىدا قىزلىق تەرەپنىڭ ۋەكىلى، ئوغۇللۇق تەرەپنىڭ ۋەكىلى ئالدىمىزدا ئولتۇرۇپتۇ. ئالدامچىلىق، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنىڭ قوللىنىلمىغانلىقىنى ئۇلار ئىسپاتلاپ گۇۋاھلىق بەردى. بۇ كۇپايە قىلمايدۇ. ئەمدى بىز قىزنىڭ رازىلىق لەۋزىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى.
— رەيھاندىنبەگنىڭ قىزى ئايتولۇن خېنىم، سىلى چاغىربەگ ئادامتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئۆدەشمىشگە نىكاھلىنىشنى ئۆز ئىختىيارلىقلىرى بىلەن خالامدىلا؟ — سورىدى شەيخۇلئىسلام.
پېشايۋان ئالدىغا قىز يولداشلىرى بىلەن ئاق پەرىجە ئارتىپ كەلگەن ئايتولۇن سىلىق ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى:
— خالايىمەن.
— چاغىربەگ ئادامتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئۆدەشمىش، سىلى
ھاجىپ رەيھاندىنبەگنىڭ قىزى ئايتولۇن خېنىم بىلەن نىكاھلىنىپ ئۇنى ئەمرىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ؟ — ئالدىم. شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولدى. — ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. يىگىت ھەم قىزنىڭ قەلبەن رازىلىقى بىلەن بولغان بۇ نىكاھتا ئۇلارنىڭ كۆڭۈل رىشتى، سۆيگۈ مېھرى ئۆمۈرلۈك باغلاندى. ئەمدى مۇشۇ سائەتتىن باشلاپ ئۇلارغا جۈپلەنمەك ئاللا دەرگاھىدا ھالال، ئىنسانلار ئارىسىدا دەخلىسىزدۇر. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ نىكاھقا داغ تەگكۈزىدىغان ئىشنى قىلسا، ئاللا دەرگاھىدا ھارام، ئادەملەر ئالدىدا شەرمەندە بولىدۇ. ئەر بۇ نىكاھنى قەستەن بۇزسا خوتۇندىن خۇشلۇق كۆرمەيدۇ. ئايال قەستەن بۇزسا بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. نىكاھ شۇنداق خاسىيەتلىك ۋە قىممەتلىكى، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئاۋات، دۇنيا ئاۋاتتۇر. ئەرنىڭ ساداقىتى — ئائىلىنىڭ سائادىتىدۇر. ئەر ساداقەتسىزلىك قىلسا، ئۇنىڭدىن سائادەتمۇ يۈز ئۆرۈيدۇ، خوتۇننىڭ ۋاپادارلىقى — ئائىلىنىڭ بەرىكىتىدۇر. خوتۇن ۋاپاسىز بولسا ئۆيدىن بەرىكەت كېتىدۇ. مۇشۇ قۇتلۇق سائەتتە ئاللانىڭ خالىشى بىلەن نىكاھى قىلىنىپ ھايات — ماماتى چەمبەرچاس باغلانغان يىگىت بىلەن قىزغا ۋاپا، ساداقەت مەڭگۈ يار بولغاي. بالىلىق بولۇپ ئۆمۈرلىرى پاراغەتتە ئۆتكەي، ئامىن! — ئامىن! — دېدى كۆپچىلىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ. مۇشۇ ۋاقىتتا ۋۇجۇد قەلئەسى لەرزىگە كەلگەن ئايتولۇن ئىچكىرىكى ئۆيدە ئانىسى، سىڭىللىرى بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. ئاق ھېلەھلە رومالنى باسورۇپ كىيدۈرۈلگەن دېدەم قارا چاچلىق بېشىدا جولالىنىپ تۇراتتى. رەڭگارەڭ يىپەك رەختتىن تىكىلگەن يەتتە قات كۆڭلەك، مەخمەل جىلىتكە، تاۋار نىمچە ئۇنىڭغا
شۇنداق يارىشقاندىكى، قارىغانلار كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي قالاتتى. ئاتا - ئانىسىدىن، سىڭىللىرىدىن ئايرىلىشقا قىيماي ياش تۆكۈۋاتاتتى. — يىغلىما قىزىم، كەتسەڭ يەنە كېلىپ تۇرىسەن ئەمەسمۇ، — دېدى يامغۇر كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ. ئايسىلىڭ ئېيتمىش، ئارچۇنلارمۇ ئۇنى چۆرىدەپ يىغلىشىۋاتاتتى. — ئاكام يۈسۈپ قېنى؟ — ئەتراپقا كۆز سېلىپ سورىدى ئايتولۇن، — قىزتۇرمىشمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ؟ — ھويلىدىمىكىن، مەن ئېلىپ كىرەي، — ئىنىسىنىڭ كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئايسىلىڭ يۈگۈرۈپ چىققانچە، دەرۋازىدىن ساراي ئىچىگە قاراپ ئولتۇرغان قىزتۇرمىشنىڭ قۇچىقىدىكى يۈسۈپنى ئېلىپ، ئاچىسىنىڭ يېنىغا يەنە شۇنداق تېز كىردى. ئايتولۇن ئۆزىگە تەلپۈنۈپ قول ئۇزارتقان يۈسۈپنى ئېلىپ باغرىغا باستى.
3
توي يەتتە كۈن داۋام قىلدى. ئىككىنچى كۈنى يۈز ئاچقۇ بولدى. ئۆدۈمىشنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى گۈلتېكىن ئۇسسۇل ئويناپ ئۆينى بىر ئايلانغاندىن كېيىن، گۈللۈك يىپەك رەخت بىلەن يۈزى يېپىلغان كېلىن ئالدىدا پىرلەپ چۆرىلىدى - دە، قوللىرىنى يايغان ھالدا بىر تىزىنى يىپەكەنداز ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇردى. ئۇ بوستان چاچلىق بېشىنى سەل ئېگىپ، كېلىننىڭ گۈزەل چېھرىنى توسۇپ تۇرغان يىپەك رەختنى نازاكەت بىلەن ئۈستۈن كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۆي باشقىچە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. — ئەجەب چىرايلىق ئىكەن، قاراپ ئولتۇرغۇدەك… — قارىسلا، مەللىكە كىيىنىۋالغاننى، بېشىدىكى دىدەم خانىشلارنىڭ تاجىدىن قېلىشمايدىكەن.
— كاتتا زەردارنىڭ قىزى — دە، ئالىپ ئۆدەمنىڭ بەختى كەپتۇ. بۇ ئۆيگە بەخت قۇشى قونۇپتۇ.
تۆردىن پەگاھقىچە ئولتۇرۇشقان ئاغىچىلار، خېنىملار ئايتولۇنغا قارىشىپ پىچىرلىشىپ كېتىشتى. كۆز تەگمىسۇن دېدىمۇ، بىر خىزمەتچى ئايال ئارچا ئوتۇنلىرى كۆيۈپ تۇرغان ئىسرىقداننى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئايتولۇننىڭ بېشىدىن ئۈچ قېتىم ئايلاندۇردى. ئۆينىڭ ئىچى ئەتەر چاچقاندەك خۇش پۇراققا تولدى…
ئۈچىنچى كۈنى ئادامتۇغرۇل خاس ئاياللارغىلا باغ سەيلىسى قىلىپ بەردى. گۈلدەك ئېچىلغان ئايتولۇننىڭ قورۇنماي يۈرگىنىنى كۆرگەن قېيىنئاتا، قېيىنئانىسى بەك مەمنۇن بولۇشتى.
تۆتىنچى كۈنى رەيھاندىن يىگىتلەرگە ئوقيا ئېتىش سورۇنى تۈزۈپ بەردى. ئۆدەمش ئون قەدەم نېرىدا تۇرۇپ، ئۈزۈكتەك كىچىك چەمبەردىن يا ئوقىنى ئۆتكۈزۈپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
بەشىنچى كۈنى ئايتولۇننىڭ قېيىنئانىسى ئارازان كېلىن چاچىنى تاراش مەرسىمى ئۆتكۈزدى. بالاساغۇن بويىچە چاچ تاراپ نام چىقارغان ئايسۇلۇ ئايتولۇننىڭ ئۈستىگە چۆشدەك قويۇق چاچلىرىنى قىرىق بىر ئۆرۈم قىلىپ ئۆرۈپ قويدى.
ئالتىنچى كۈنى ئادامتۇغرۇل چېلىشىش مەرسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. يار ئۈستىدىكى كەڭ سەھنا تاماھچىلار بىلەن توشقانىدى. پالۋانلار ئارقا — ئارقىدىن چېلىشقا چۈشۈشتى. ئېيتسىمۇ تويغا كەلمىگەن بوزاغۇ بۈگۈن يىگىرمە — ئوتتۇزدەك تەڭتۈش يىگىتلەر بىلەن كېلىپ مەيداننىڭ شىمال تەرىپىدىن جاي تۇتۇپ كۆزىتىپ تۇردى.
— بالام، ئالىپ بوزاغۇ كېلىپتۇ. بېرىپ كۆرۈشۈپ قويغىن، — دېدى ئادامتۇغرۇل قاپقى تۇرۇلۇپ قىلىچىنى سىقىملاپ تۇرغان ئوغلىغا.
— كۆردۈم ئاتا، تويغا كەلمىگەن يەردە، بۈگۈن نېمىشقا كەلدىكىن، بارمىساممۇ بولار.
— بېرىڭ ئوغلۇم، سىلەر جەڭگاھتىكى سەپداشلار، ئۇ كەلگەن ئىكەن، ياخشى تىلەك بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز لازىم، ئەلۋەتتە.
يۈسۈپنى قۇچاققا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن قېيناتىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئۆدەش مەيداننى كېسىپ ئۆتتى — دە، ئالتاغىل تۈلكە تېرىسىدە ئۆلتۈرگەن بوزاغۇغا قاراپ ماڭدى. ئونىڭ كۆز ئالدىغا تۇغانخاننى قارشى ئېلىشقا چىققان چاغدا، بوزاغۇنىڭ ئايتولۇندىن سۇ سوراپ تۇرۇۋالغانلىقى، مەرىكە بولغان كۈنى ئايتولۇن تاشلىغان ياغلىقنى ئېلىپ قاچقانلىقى كېلىپ، غەزەپ تىترەكلىرى ۋۇجۇدىغا تارىدى.
— كېلىپ بىزنى خوش قىلدىڭ بوزاغۇ. يۈر، ئاتام، قېيناتاملار بىلەن كۆرۈشتۈرەي، — دېدى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، لېكىن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول ئۇزارتمىدى.
— رەھمەت، ئالىپ ئۆدەش. بۈگۈن مەن بۇ مەرىكە سورۇنىغا سەن بىلەن بەل تۇتۇشۇش ئۈچۈن كەلدىم، — مەنسىتمىگەندەك قىلىپ ھىجايدى بوزاغۇ.
— ئاتاڭدىن سوراپ كەلدىڭمۇ؟ ناۋادا…
— ئاتام غەزنەۋىلەر شاھى سۇلتان مەھمۇدخان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىسپىجاب①قا كەتكەن. بونىمۇ بىلمەمسەن؟
— ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپتۇ، جاندار. راست، ئاتاڭ نۇرغۇن سوۋغا — سالام ئېلىپ غەزنەۋىلەر شاھىغا باش ئەگكىلى كەتكەنىدى. ئونداق بولسا ئاناڭدىن سوراپ كەلدىڭمۇ؟
مەسخىرە قىلىپ ئېيتىلغان بۇ سۆز بوزاغۇغا گۈرزىدەك تەگدى. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. ئۆلارنىڭ بويى تەڭ بولسىمۇ، ئۆدەش تەمبەلرەك كۆرۈنەتتى.
① ئىسپىجاب — شەھەر نامى، بىر مەزگىل غەزنەۋىلەرنىڭ پايتەختى بولغان.
— مەن ئانامدىن سوراپ تاشقىرىغا چىقىدىغان ئەر ئەمەسمەن. قىلماقچى بولغان ئىشىمنى ھېچكىمدىن سورىماي قىلىپ كەلگەن يىگىتمەن. نوچى بولساڭ يۈر!
يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان رەيھاندىن ئادامتۇغرۇلنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئادارنى ئۆلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى.
ئۆدمىش يېنىغا كەلگەن ئادارغا قىلىچى بىلەن تونىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، مەيداندا كېرىلىپ تۇرغان بوزاغۇغا قاراپ ماڭدى.
بۇ ئىككى يىگىت بىر - بىرى بىلەن بازىلىشىپ بىردەم تۇرۇشقاندىن كېيىن بەل تۇتۇشتى. بوزاغۇ ئۆدمىشنى كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرماقچى بولۇپ بېلىدىن تارتىندى، مىدىرلىتالمىدى. ئۇ ئىككى پۇتىنى كېرىپ يەرگە چىڭ دەسسەپ تۇرۇۋالغانىدى. بوزاغۇ ناھايىتى ئۆستىلىك بىلەن سىرت يان بولۇپلا يانپىشىغا ئالدى - دە، ئاتتى. ئۆدمىش يىقىلماي يەرگە دەسسىۋالدى. ئەمدى نۆۋەت ئۆنىگە كەلگەنىدى. مەيداندا قىيقاس - سۈرەن كۆتۈرۈلدى. يۈسۈپمۇ يۆلۈنۈپ تۇرۇۋالدى. رەيھاندىن تازا كۆرۈۋالسۇن دەپ ئۆنى يۇقىرى كۆتۈردى.
ئۆدمىش بوزاغۇنى ئالدىغا تارتىپ بېلىنى بىر قىستى - دە، دەس كۆتۈرۈپ ئاتتى. توپىغا مىلەنگەن بوزاغۇ ئاستا قوپۇپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى.
— يارايسەن ئالىپ! — دەپ ۋارقىراشتى كۆپچىلىك. يۈسۈپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ تېپچەكلەپ كەتتى، بۇ گۆدەكمۇ ئۆدمىشنىڭ يەڭگىنىدىن خوش بولۇۋاتاتتى. كېيىنرەك كېلىپ، رەيھاندىن بىلەن ئادامتۇغرۇلنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان دوقاقبەگنىڭ چىرايى سۆرۈنلەشتى. ئۇ:
— يوغروش باشلىق ئوغلىغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى، — دەپ غودۇڭشىدى.
— تەقسىر، چېلىش مەيدانىدا رىئايە قىلغىلى بولمايدۇ. جاناپلىرى بۇنى ئوبدان بىلىدۇلا، — رەيھاندىن ھەمراھلىرى
159
بىلەن كېتىۋاتقان بوزاغۇدىن كۆزىنى ئۈزمەي، قاپۇقچى باشقا جاۋاب بەردى.
- لېكىن بوزاغۇنىڭ جاندار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ ھاجىپ. ئۇ ھەمىشە بۇغرا قاراخاننىڭ يېنىدا تۇرىدىغان ئالىپ، - دېدى دۇقاقبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ، - خاقان بۇرۇنراق قايتىپ كېلىشىمنى ئەسكەرتكەنىدى. رەيھاندىن ئادامتۇغرۇل بىلەن بىللە ئۇنى تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇزىتىپ قويدى. يەتتىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رەيھاندىن چۆ دەرياسى بويىدا ئوغلان تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ كۈنى بوزاغۇمۇ كەلمىگەنىدى. بىراق، ئۇ ئوغلان تارتىشقا چۈشمىدى. تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ دۇقاقبەگ كەلمىگەنىدى. رەيھاندىن بوزاغۇدىن سورىدى، ئۇ «بىلمىدىم» دەپلا قويدى. ھالبۇكى، ئۇ دۇقاقبەگنىڭ مەسلىھەتى ۋە ئۆگىتىشى بىلەن كەلگەنىدى. جەڭگە چىقىدىغاندەك ساۋۇت - دۇبۇلغا كىيىۋالغانىدى. ئەسلىدە ئۇ چۈشتىن كېيىن بولىدىغان قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسىدە، ئۆدۈمنى ئۆزى بىلەن ئېلىشىشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۇنىڭ ھايات چىرىغىنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنى قىلىچۋازلىقتا تەڭداشسىز، دەپ قارايتتى، ئۇستازى دۇقاقبەگ ئۇنىڭغا «ئاۋۋال قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ ئۆدۈمنىڭ قولىنى ئۈزۈپ تاشلا، ئاندىن يۈرىكىگە تىق. سېنى ھېچكىم قاتىل دەپ ئەيىبلىيەلمەيدۇ، سېنى بۇغرا قاراخان قوغدايدۇ، ئالىپ» دەپ ئۇقتۇرغانىدى. بوزاغۇ ئۆدۈمنى ئۆلتۈرەلمەي جاندىن ئايرىلىپ قالسا، بۈلۈنبەگ كەلگەندە جاۋاب بېرەلمەي قالماي دەپ، دۇقاقبەگ بۇ مەيدانغا كەلمىگەنىدى. شۇنداق بولۇپ قالسا «بىخەۋەر بولۇپ قاپتىمەن. ئەگەر بىلگەن بولسام بوزاغۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالاتتىم» دەپ جاۋاب بەرسە كاپىممۇ كۆيمىگەن، زىخمۇ كۆيمىگەن بولاتتى.
بوزاغو بۇ قېرى تۈلكىنىڭ كۆڭلىدىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن. «ئۆدمىشنى بۈگۈن ئۆلتۈرۈپ، ئايتولۇننى داغى ھەسرەتتە قويىمەن. سىڭلىسى ئايسىلىگنى ئەمرىمگە ئېلىپ، ھاجىپ رەيھاننىڭكى سان - ساناقسىز مال - مۈلكىگە ئۆزۈم ئىگىدارلىق قىلىمەن» دەپ، يېنىدا بەخىرامان تۇرغان ئۆدمىشقا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى. «ئەگەر ئۆلتۈرەلمىسەمچۇ…» بۇ ئوي كاللىسىغا كېلىش بىلەن بوزاغونىڭ ۋۇجۇدىنى ئەنسىزلىك چۆلغۇۋالدى. شۇنداقتىمۇ شەيتىنى ئۇنى مەيدانغا چۈشۈشكە كۈشكۈرتۈۋاتاتتى.
كۈن غەربكە قايرىلغان، ھاۋا بىرئاز سۇرۇنلاشقان چاغدا قىلىچۋازلىق باشلاندى. بوزاغو مەيدانغا كىرىپ، ئۆدمىشنى قىلىچۋازلىق قىلىشقا چاقىردى. كۆڭلى سېزىپ تۇرغان ئۆدمىش قالقان - قىلىچنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى:
— قېنى، نۆۋەتنى ساڭا بەردىم. ھۈنىرىڭنى ئىشقا سال!
بوزاغو قىلىچنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ چاپماقچى بولغان قىياپەتكە كىرىپ، بىردىن يانغا ئۆتۈپ ئۆدمىشنىڭ بېقىنىغا سانجىدى. سەگەكلىشىپ قالغان ئۆدمىش چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى يانغا ئالدى. بوزاغونىڭ قىلىچى ھاۋاغا سانجىلدى، ئۆزى دەلدۈگۈنۈپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىم قىلىچنى تەڭلەپ كەلگەن بوزاغو ئايلىنىپ - ئايلىنىپ، دوقابەگنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆدمىشنىڭ بېلىگە قىلىچ چاپتى. قىلىچ كۈتمىگەندە قالقانغا تېگىپ قاڭقىپ كەتتى. بوزاغو ئۈچىنچى قېتىم كەينىگە بىرنەچچە قەدەم يېنىپ، شوخلاپ كەلگۈنچە رەقىبىنىڭ بېشىغا قىلىچ ئوردى. جان - جەھلى بىلەن ئۇرغان قىلىچ قالقاندىن ئۆتۈپ، تۆمۈر دۇبۇلغىغا تېگىپ توختىدى. ئۆدمىش قالقاننى بىر سىلكىپ بوزاغونىڭ قىلىچىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى.
— قىلىچنى ئال، ئالىپ، ئەمدى نۆۋەت مېنىڭ! — دېدى ئۇ تاتىرىپ كەتكەن بوزاغونىڭ قورقۇنچ ئىچىدە قالغىنىنى كۆرۈپ.
بوزاغو ئونىڭغا قارىغىنىچە بېرىپ قىلىچنى ئالدى. — تولا كۆرەڭلەپ كەتمە! — ئۆزۈڭگە پەخەس بول! تەمتىرەپ قالغان بوزاغو قالقاننى بېشىغا تۇتماقچى بولۇپ كۆتۈرۈۋاتاتتى، جاق قىلىپ ئۆدمىشنىڭ قىلىچى ئۇرۇلۇپ، قىلىچ قولىدىن يەرگە تاراڭلاپ چۈشۈپ كەتتى. — ئەمدى بولدىمۇ بوزاغو؟ سېنى ئۆلتۈرگۈم يوق. رەقىبىنىڭ بۇ سۆزى قارا تەرگە چۆمگەن بوزاغونىڭ يۈرىكىنى قىلىچ بىلەن چاپقاندىنمۇ بەكرەك يارا قىلغانىدى. — ياق، يەنە بىر قېتىملىق نۆۋىتىم بار. ئاندىن يەنە ماڭا نۆۋەت كېلىدۇ، — دېدى ئۇ بوغۇلۇپ. — ئانداق بولسا قىلىچىڭنى ئال! بوزاغو ئېگىلىپ بېرىپ قىلىچنى ئالدى. قىلىچۋازلىق يەنە باشلاندى. بوزاغو ئارقىغا يانغانچە، ئۆدمىش ئالدىغا مېڭىۋەردى. قىلىچ بىر-بىرىگە ھەر قېتىم تەگكەندە ئۇچقۇن چاچرايتتى. قىزىلئۆتمۈش چۈشكىچە يېقىن ئۆيگە ئاپىرىپ ئېمىتىپ كەلگەن يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ قۇچىقىدا قىلىچلىشىۋاتقانلارغا قاراپ تېپىرلاپ كۈلۈۋاتاتتى. ئۇ تۇغۇلغاندىن بېرى بۇنداق كۆڭۈللۈك دۇنيانى كۆرمىگەن ۋە بۇنداق خوش بولۇپ باقمىغانىدى. ئۆدمىش بوزاغونىڭ گاھ ئوڭ تەرىپىگە، گاھ سول تەرىپىگە، گاھ ئارقىسىغا، گاھ ئالدىغا ئۆتۈپ قىلىچ ئۇرۇپ، تىركىشىپ خېلى ھالسىراتقان بولسىمۇ، بوزاغو بوي بەرمەيۋاتاتتى. قىلىچنى ھە دەپ ئۆدمىشنىڭ كۆكسىگە سانجىشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتى. ئۆدمىش ئاخىر بوزاغونىڭ قىلىچىنى قىلىچ بىلەن قايرىپ، ئۇنى ئوڭدىسىغا يىقىتتى ۋە بوغۇزىغا قىلىچنى تەڭلىدى. — بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكىن، ئۆدمىش، — بوغۇزلىنىشتىن قورقۇپ تېپىرلىدى بوزاغو.
— مەن سېنى ئۆلتۈرمەكچى ئەمەس، بوزاغو. بىلىپ قويغىن، ئەر يىگىت رەقىبىدىن ئامانلىق تىلىمەيدۇ. سەن ئالىپ ئەمەس ئىكەنلىكىڭ بوزاغو. تۇر ئورنۇڭدىن!
بوزاغو ئۆدمىشنىڭ يېنىدىن كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاستا قوپتى: «خەپ! ھايات ئىكەنۇمەن، سەندىن ئۆچۈمنى ئالماي قويمايمەن» دېدى ئىچىدە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.
مەيداندىكى كۆپچىلىك دەۋرەپ كەتتى. قىيقاس — سۈرەن ئۇزاققىچە توختىمىدى.
ئۆدمىش كەلگىنىچە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇشقان ئاتىسىغا، قېيىنئاتىسىغا ھۆرمەت بىلەن بېشىنى ئەگدى — دە، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئادار ئۇنىڭغا بىر تاۋاق جولاپ بەردى. شاتۇتنىڭ بۇ مۆجىزىلىك شەربىتى ئۇنىڭ قىزىپ كەتكەن تېنىنى سەگىتتى.
بوزاغو چەتەلەپ مېڭىپ ھەمراھلىرى بىلەن كېتىپ قالدى.
ئۆدمىش سەكرەپ شوخلۇق قىلىۋاتقان يۈسۈپنى رەيھاننىڭ قولىدىن ئېلىپ باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ ئوينىتىشقا باشلىدى. ئۇ ھاياتنىڭ ئاجايىپ قىسمىتىلىرىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىگەن بۇ گۆدەكنىڭ قېيىنئاغىسى بولغىنىدىن خۇش ئىدى.
يەتتىنچى باب: قارا سېكىلەكلىك بالا
1
ئاتىسى نورۇز بايرىمىدا سېتىشقا بىر تىللا بېرىپ سېكىلەك قويۇدۇرۇپ قويغان يۈسۈپنىڭ ئەمدىلا تىلى چىقىشقا باشلىغاندا، بويانقار قەشقەردىن، بولۇنبەگ غەزىنىچىلەر ئېلىدىن قايتىپ كەلدى.
ئىككىسىنى كۆل بويىدا ئويناۋاتقان قىز ئاق قاشقا تورۇقنى يېتىلەپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن بويانقارنى كۆرۈپ، چىنار دەرىخىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئولتۇرۇۋالدى. ئۇنى كۆرگەن يىگىت كۆلگە سايە تاشلىغان چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كەلدى.
— سىڭلىم، ھاجىپ رەيھاندىن بېگىم ئۆيدە بارمۇ؟ — سورىدى ئۇ تونۇمىغانغا سېلىپ.
— تېخى ئوردىدىن كەلمىدى، ئالىپ، نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟ — قىز ئۇنىڭغا قارىماي گۆدەكنىڭ قولىنى يۇيۇۋەردى.
— خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدىم.
— نېمە خەۋەر؟
— بۇنى سىزگە ئېيتىشقا بولمايدۇ. سىز بۇ ئۆينىڭ دېدىكىمۇ؟
— ھەئە، بېگىم، — يەر ئاستىدىن قاراپ لەۋلىرىنى چىشلىدى قىز.
— قايسى سىڭلىمنىڭ دېدىكى سىز؟ ئايتولۇن سىڭلىمنىڭمۇ، ئايسىلىق سىڭلىمنىڭمۇ؟
— ئايسىلىگ خېنىمنىڭ، — قىز رومىلىنى قايىرىپ يىگىتكە باقتى. قولىنى سۇغا چىلاپ ئويناۋاتقان گۆدەكمۇ تەلپۈنۈپ قارىدى.
— ئابا، ئابا! — ئاچىسىنىڭ چېچىغا ئېسىلىپ قوپۇۋالغان يۈسۈپ، بويانقارغا ئىنتىلىپ قولىنى سۇندى.
يىگىت بىلەن قىز بىر - بىرىگە قارىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسى كۆلگە چۈشتى، ئات كىشنەپ قويدى.
— ئوردۇكەنتتىن قاچان كەلدىڭىز، بويانقار؟
— ھازىر يېتىپ كېلىشىم، ئايسىلىگ، — يىگىت قول ئۇزارتىپ يۈسۈپنى ئالدى، — چوڭلا بولۇپ قاپتىغۇ بۇ بالا، — ئۇ يۈسۈپنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى، — سىزمۇ بوي تارتىپسىز ئايسىلىگ.
قىز گەپ قىلماي يەرگە قارىۋالدى.
— ئاباملار ئوبدان تۇرغاندۇ؟
— ئوبدان تۇردى. بويانقار، ئاشانبۇقا بوۋام باغلىق يەر ئېلىپ قورۇ - جاي سېلىۋاتىدۇ. بۇدرام مومام مۇشۇ كۈنلەردە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. خېلى كۈنلەر بولدى بىزنىڭكىگە كېلەلمىدى.
— بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ تۇرۇپسىز - دە؟
— ھەئە، ئۆكامنى ئوينىتاقاج كۈندە دېگۈدەك بېرىپ تۇردۇم، — دېدى ئايسىلىگ ئىززا تارتقاندەك بولۇپ.
ئۇنىڭ يېقىندىن بېرى بويانقار كەلمىكىن دەپ كۈندە بارغىنى راست ئىدى. «قاچان كېلەر، يولدا خەتەرگە ئۇچراپ كېلەلمەي قالارمۇ؟» دەپ ئەنسىرەپ، بويانقارنىڭ دىدارىغا ئىنتىزار بولغان بۇ قىز كۈندە نەچچە قېتىم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يولغا قارىغانىدى. بويانقارنىڭمۇ ئۇنى تېزرەك كۆرۈشكە تاقىتى تاق بولغانىدى. ئۇ ھازىر شۇنداق خوش بولۇپ كەتكەنىدىكى، قىزنى قۇچاقلىۋېلىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتى. يۈسۈپ تۇمشۇقىنى سوزغان ئاتنىڭ قاشقىسىنى تۇتتى.
— ئايتولۇن كۆرۈنمەيدىغۇ؟ — ئىختىيارسىز سورىدى بويانقار ئۆي، باغ تەرەپلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ. ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئونىڭ قىز بىلەن كۆپرەك بىللە تۇرغۇسى بار ئىدى. ئات پۇشقۇرۇۋەتتى. يۈسۈپ قورقۇپ قولىنى تارتىۋالدى. — ئايتولۇن ئاكامنىڭ تويى بولدى. — تويى بولدى؟ — ھەئە، ئالىپ ئۆدمىش ئاغام بىلەن. — ھەي ئېسىت، ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەپتىمەن — دە، كەلگەن بولسام يىگىت قولدىشى بولاتتىم. توي كاتتا ئۆتكەندۇ؟ — ناھايىتى كاتتا ئۆتتى. توي يەتتە كۈن بولدى، بويانقار، — ئايسىلىگ پۇتى بىلەن يەرنى جىجىپ تۇرۇپ لەپپىدە يىگىتكە قارىدى — ياق، ۋۇجۇدى ئوت ئالغاندەك بولۇپ چىنارغا يۆلىنىۋالدى. — چېلىشىش، ئوغلاق تارتىش بولغاندۇ؟ — قىزىقىپ سورىدى بويانقار. ئونىڭ سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدە كۈچلۈك ئۈمىد — ئارزۇ ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. — بولدى، — دېدى ئايسىلىگ، — بوزاغۇنى ئۆدمىش ئاغام يەرگە ئاتتى، كېيىن ئونىڭ بىلەن قىلىچۋازلىق قىلىپ يەڭدى. ئۇ كۈنى مەن قىز دوستلىرىم بىلەن كۆرگىلى چىققانىدىم. سىز كەتمىگەن بولسىڭىز چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشتا ئوزۇپ چىقاتتىڭىز. ئاباملار تون كىيدۈرۈپ، ئات مىندۈرگەن بولاتتى. — ھەي ئېسىت، — دېدى ئارماندا قالغان بويانقار ئۆزىنىڭ بۇ تويغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ، — كىملەرگە تون كىيدۈرۈپ، ئات مىندۈردى؟ — چوغىلاردىن ئاشانبۇقا بوۋام باشلىق بىر قانچە مويسىپىتقا، ياشلاردىن ئادار قاتارلىق يەتتە — سەككىز يىگىتكە. نۇرغۇن قىزلار ئۇلارغا ياغلىق تاشلىدى. — سىز كىمگە تاشلىدىڭىز، ئايسىلىگ؟ — يۈرىكى تارتىشىپ سورىدى بويانقار.
— ھېچكىمگە، — قىز سەل ئاچچىقلىنىپ جاۋاب بەردى. — بوزاغۇغا تون كىيدۈرۈمدىمۇ؟ — ئۇ يېڭىلگەن تۇرسا، مەرىكە ئاخىرلاشماي كېتىپ قالدى. بويانقار شۇ كۈنكى مەرىكىدە بولغان ئىشلارنى خىيالەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. — بىلدىم، بوزاغۇ نامەرد نېمە، چىدالماپتۇ — دە… — ئايسىلىڭ ئاچا، ئابام چاقىرىدۇ، — دېدى يۈگۈرۈپ كەلگەن قىزتۇرمىش. ئۇ بويانقارنى تونۇپ چىرايىدا خوش تەبەسسۇم پەيدا بولدى، — ئاغا، قاچان كەلدىڭىز؟ — ھېلى كەلدىم، قىزتۇرمىش. سىنمۇ چوڭچۇغلا بولۇپ قاپسەنغۇ، — دېدى بويانقار. — ئات باقارنى چاقىراي، — قىزتۇرمىش باغقا كىرىپ كەتتى. — ئايسىلىڭ، مەن سىزنى بەك سېغىندىم، — دېدى بويانقار، يۈرەك قېتىدىكى بۇ گەپنى ئاغزىدىن تەستە چىقىرىپ، — كۆنلىرىمنى سىزنى ئويلاپلا ئۆتكۈزدۈم. ئايسىلىڭنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم، قىيا باققان كۆزلىرىدە ياش لىپىلدىدى. شۇ ئارىدا كەلگەن ئات باقار يارۇق تىزگىننى، قىزتۇرمىش بالىنى ئېلىپ بويانقارنى ئۆيگە قويدى. يۈسۈپ تېپچەكلىپ قىزنىڭ چاچلىرىدىن تارتىپ «ئابا، ئابا» دەپ يۆلقۈنۈپ يىغلىدى. — كەل، بەگيۈسۈپ، باققان ئاكاڭنى ئۇنتۇماپسەن، — بويانقار بالىنى ئېلىپ تۆگە تايتاق قىلىپ بوينىغا مىندۈرۈۋالدى. ئايسىلىڭ ئورنىدىن قوزغىلىپ: — سىز ئابام كەلگۈچە كۈتۈپ تۇرۇڭ. قىزتۇرمىش ئۇكامنى ئوينىتاچ بېرىپ، بودراچ موماڭغا كەلگەنلىكىڭىزنى دەپ قويمۇن، — دېدى — دە، ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي يابرا چىقىپ بويانقار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى
ئايۋانغا باشلىدى. «كېلىشكەن يىگىت بوپتۇ» دېدى ئىچىدە ئۇنىڭ باش - ئايىغىغا كۆز سېلىپ، «قۇللۇقتىن يېڭى ئازاد قىلىنغان بۇ يىگىت قىزىمىزنىڭ خېلى ئەمەس. قىزىم بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلىدۇ. رەسمىي بولۇپ قالدى، يۈرۈش - تۇرۇشقا چەك قويمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. قايتىپ كەلگىنىگە خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئاتىسى بىلەن بىر سۆزلىشىپ باقاي…»
ئۇ بويانقارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي ئاشخانىغا چىقىپ، دېدەك ئايالدىن غىزا، چاي كىرگۈزدى.
رەيھاندىن چۆشتىمۇ كەلمىدى. بۈدرەچ موماي بىلەن ئاشانۇقا كېلىپ، تىزلىنىپ سالام بەرگەن ئوغلىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىشتى.
— بەك ئەنسىرىگەندىم، بالام. سالامەت كېلىپسەن، خۇداغا شۈكۈر، سېنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئارامغا چۈشتى.
— تۈنۈگۈن كېچە نان يېقىپ چۈش كۆرۈۋېدىم. ئاتاڭغا دەپ بەرسەم، ئوغلىمىز كېلىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ تېبىر بەرگەنىدى، بالام، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كېلىپ قالدىڭ.
ئاتا بىلەن ئانا ئوغلىنىڭ ئىككى يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
— ئابا، راست باغلار يەر ئالدىڭمۇ؟ — سورىدى بويانقار، ئاتىسى ئۇزارتقان بىر پىيالە چاينى ئېلىپ.
— راست بولمامدىغان، بالام. تويۇقسىز يېڭى قورۇدا قىلاي دېمەن. ئۇياقتىن كېلىپ، بۇياقتىن ئاڭلاپسەن — دە. كىم دەپ بەردى؟
بويانقار نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالدى. ئايسىلىگدىن ئاڭلىدىم دېگۈسى كەلمەي:
— بايا ئىشىك ئالدىدا سۆزلىشىپ تۇرغانلاردىن ئاڭلىدىم، — دەپ قويدى.
— ئوردىكەنت قانداق ئىكەن بالام؟ — ئوغلىدىن گەپ
168
ئاڭلىغۇسى كېلىپ سورىدى ئاشانبۇقا. — ئوردۇكەنت كاتتا شەھەر ئىكەن، ئاتا. قورۇقوردىن قېلىشمايدىكەن، ئىككى تەرىپىدە ئىككى دەريا ئېقىپ تۇرىدىكەن، كوچىلىرى نۇرغۇن، پاكىز، چىرايلىق، خەلقى مېھماندوست ئىكەن. قىزغۇنمۇش يىغلىغىلى تۇرغان يۈسۈپنى ئېمىتكىلى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. — بالاساغۇندەك قانداش، قېرىنداش جەمەتلەر توپلاشقان شەھەر ئەزىم ئىكەن — دە، بالام؟ — شۇنداق، ئاتا، ئاۋات، كۆجۈم، مېھرى ئىسسىق شەھەر ئەزىم ئىكەن. بىرنەچچە ئاي تۇرۇپمۇ كوچىلىرىنى كۆرۈپ بولالمىدىم. — يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنى كۆرگەنسەن، بالام؟ — كۆردۈم، ئاتا. قارا ساقال، بەستلىك، بەھەيۋەت پادشاھ ئىكەن. ماڭا تېخى خىلئەت بەردى. تەكبىخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىلتىپات كۆرسەتتى. بىر قېتىم بۇ ئۇلۇغ پادشاھ بىلەن ئارتۇچ دېگەن يېزىغا شىكارغا بىللە چىقتىم. يادىن ئاتقان ئوقى زاۋە كەتمەيدىكەن، چەۋەنداز، مەرگەن ئىكەن. ھەممە ئادەم ئادىل، مەرد دەپ ماختىشىدىكەن. — خودا يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنى ئامان قىلسۇن. ئۇلار پاراڭلاشقاچ چاي ئىچىپ بولۇپ ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىشتى. بەگتۆمۈر، زەمىران ئانا بىلەن كۆرۈشۈپ، كەچ كىرگۈچە شۇ يەردە مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ قېلىشتى. رەيھاندىن كەلگەندە كەچلىك تاماMechanics داستىخان سېلىنىۋاتاتتى. ئۇ تېز چۆكۈپ تەزىم قىلغان بويانقارنى قۇچاقلىدى، تىنچلىق — ئامانلىق سوراپ ئاشانبۇقانىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەممىدىن بەك قاچىدىن ھاردۇق ئېشى — ئۈگرە قويۇلدى. ئاش ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەيھاننىڭ تېلىپى بىلەن بويانقار كۈندۈزنى كېچىگە، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قەشقەرگە
ئامان - ئېسەن يېتىپ بارغانلىقىنى، دەسلەپ بايتۆمۈر بىلەن كۆرۈشۈپ خەت - خالتىلارنى تاپشۇرغانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ ئوبدان كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئۆزى بىلەن ئەھۋاللاشقانلىقىنى، ئايرىمخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىسى ئەتەگەندە ئوردىغا باشلاپ بارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
- بۇغراخان غازى پادشاھ يۈسۈپ قادىرخان ئالىيلىرىغا پۈتۈكنى تاپشۇردۇڭمۇ؟ - سورىدى رەيھاندىن.
- تاپشۇردۇم، جانابلىرى، - دېدى ھاياجانلانغان بويانقار.
- بالام، ئوردىغا قانداق كىردىڭ، پۈتۈكنى قانداق تاپشۇردۇڭ؟ ئالدىرىماي سۆزلەپ بەرمەسەن، - دېدى ئاشانبۇقا ئوغلىنىڭ قەشقەر بۇغراخانى بىلەن قانداق كۆرۈشكەنلىكىنى ئېنىق بىلگۈسى كېلىپ. بۇدراج موماي بولسا ئاغزىنى ئېچىپلا قالغانىدى. بويانقار بىر پىيالە چاي ئىچىۋېلىپ، ھاياجىنى سەل بېسىلغاندىن كېيىن سۆزلەشكە كىرىشتى.
- مېنى ئوردىغا بايتۆمۈر ئاغام باشلاپ باردى. قوزغۇندىن پۈتۈك ئېلىپ كەلگىنىمنى، بۇغراخاننىڭ ئۆزىگىلا تاپشۇرىدىغانلىقىمنى دەرۋازىدىكى ھاجىپ ۋە قاپۇقچى باشىغا بىلدۈرۈۋېدى، ئۇلار چىقىپ بىزنى ئوردىغا باشلاپ كىردى. بۇ ئوردا بىزنىڭ بالاساغۇندىكى ئوردىدىن قېلىشمايدىكەن، ئەمما ئىشىك، دەرىزىلىرىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلمەي، «ئاللاھۇئەكبەر» دېگەن كەلىمىلا يېزىلىپتۇ…
- مۇنداق دېگىن. مەن سەنئەتكە چىققاندا، ئىتتىپاق لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ قايتقان سىپاھلار بىلەن بىللە ئوردىكەنتتىن ئۆتكەنىدىم. ئۇ چاغلاردا ئوردا دەرىزىلىرىگە، قوزغۇردىكىدەك بۆرە، ئارسلان، بۇغرالارنىڭ سۈرىتى نەقىش قىلىنغانىكەن، كېيىن ئۆزگەرتىپتۇ - دە. ھە، سۆزلەۋەرگىن.
- مېنى بۇغراخان سارىيىغا قاپۇقچى باشى باشلاپ كىردى، - دەپ سۆزىنى باشلىدى بويانقار، - مەن يەر ئۆپۈپ پۈتۈكنى
سوندۇم، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ پۈتۈكنى دەبىرىگە ئوقۇتماي، ئۆزى كۆرۈپ چىقتى. بارلىق ۋەزىر - ئەمىرلەرگە رۇخسەت بېرىپ، مېنىلا ئېلىپ قالدى. سىلىنىڭ ئەھۋاللىرىنى، مېنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى. پۈتۈك ئېلىپ كەلگىنىمنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەسلىكىمنى تاپىلىدى. بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئاندىن قايتارسىز، دەپ تەككىخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يوغۇروشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئوردۇكەنتتە يازنى ئۆتكۈزدۈم. بۇغراخان ئائىلىسى بىلەن باغ سەيلىسى، شىكاردا بىرنەچچە قېتىم بىللە بولدۇم. مېنى جاندارلارغا قوشۇپ قويدى. قايتىپ كېتىشكە بۇغراخان ئائىلىسىدىن يۈزتۇرا رۇخسەت سوراشقا پېتىنالمىدىم. ئۆزى بىلگەن بولسا كېرەك، مېنى ئوردۇكەنتتىن قوزغوردۇغا بارىدىغان كارۋان بىلەن يولغا سالدى، ماڭا بىر شەھشەر يوللۇق تۇتتى، — بويانقار رەيھاندىنغا مەنىلىك قاراپ سۆزىنى توختاتتى.
— رەھمەت بالام، مېنى ناھايىتى خۇرسەن قىلدىڭ، ئاللا ساڭا ھەمىشە مەدەتكار بولسۇن! — دېدى سۆيۈنگەن، مىننەتدار بولغان رەيھاندىن. ئۇنىڭ بويانقارنى «بالام» دەپ ئاتىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. بونىڭدىن يىگىتمۇ، ئاشانمۇقىمۇ، بودراچ مومايمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇشتى.
2
داستىخان يېغىلىپ پولو تارتىلدى. ئاش يېيىلىپ، بەگتۆمۈر دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ھەممىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. رەيھاندىن بويانقارنى خاس ئۆيگە باشلاپ چىقىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. بويانقار:
— بۇ پۈتۈكنى ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىم
① دەبىرى — خاقاننىڭ خۇسۇسىي خەتلىرىنى يازىدىغان، ئوقۇپ بېرىدىغان كىشى.
ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇشۇمنى بۇيرۇغانىدى، — دەپ بىر مەكتۇپنى بەردى.
رەيھاندىن مەكتۇپنى ئۈچ قېتىم ئۆپۈپ باش ئۈستىگە كۆتۈردى، ئاندىن ئېچىپ ئوقۇدى.
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ھاجىپ رەيھاندىن جانابلىرى، جاندىن جۇدا بولۇشتىن قورقماي ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ئوقۇدۇم، مەملىكىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھۋالاتلاردىن واقف بولدۇم، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن، ئوردىدىن زىنھار ئايرىلغۇچى بولماڭ. يېڭى ئەھۋال كۆرۈلسە، مېنى ۋاقتىدا واقفىلاندۇرۇپ، چارە — تەدبىر كۆرۈشۈمگە ھەمدەمچى بولغايسىز. ئېلىنىڭ تىنچ — ئامانلىقى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىڭىزگە ئاپىرىن. ئېھتىيات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۆزىنى ئاسراشنى بىلمىگەن بەندىنى ئاللامۇ ئاسرىمايدۇ. ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ!
ئەل بېگى ئەرتۇغرا بۇغراخان غازى يۈسۈپ قادىرخان.
«ئوردىدىن زىنھار ئايرىلغۇچى بولماڭ…»
ئاخىرقى بىر جۈملە سۆز رەيھاندىننىڭ كۆڭۈل دەپتىرىگە يېزىلىپ قالدى.
— بالام، سەن ئەل — يۇرتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر ئىشنى ئادا قىلىپ كەلدىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا خىلئەت بەرسەم ئەرزىيتتى، خىلئەتنى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھ بېرىپتۇ. ئەمدى ساڭا نېمە بېرەي، كۆڭلۈڭدىكىنى ئېيتىپ باققان، تارتىنما.
بويانقار شۇ ئان دەس تۇردى، ئاندىن تىزلىنىپ:
— ھۆرمەتلىك ئابا، مەن مۇشۇ قورۇدا تۇغۇلغان، ئالدىرىدا چوڭ بولغان، ساۋاتىمنى ئۆزلىرى چىقىرىپ بىلىم بەردىلە.
مەدرىسەدە ئوقۇتتىلا. قول ئېتىم، ئازاد قىلىپ، خەلقىئالەم ئالدىدا نامىمنى چىقاردىلا. بۇنىڭ ئۈچۈن جان تىكىپ خىزمەتلىرىنى قىلسام ئەرزىيدۇ. ماڭا ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس. سىلى بۇيرۇغان ئىشنى ئادا قىلىش — سائادىتىم، بۇ ماڭا ھەرقانداق خەلقئەتتىن ئارتۇق. پېقىر قوللىرىنى «بالام» دېگەنلىرى ھەرقانداق مۇكاپاتتىن ئۈستۈن.
— تۇرغىن، بالام، — رەيھاندىن ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، يەنە يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، — بالام، مەندىن زادى ھېچ نەرسە تەلەپ قىلماقچىمۇ؟ بۇنداق چوڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىر ئوي بولماي قالمايدۇ. دېگىن، قورۇق كەتسە كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدۇ. مېنى ئاتا دېگىنىڭدىن ئالەمچە خوش بولدۇم، خۇددى ئوغلۇم بەگتۈرمۈش ئالدىمدا تۇرغاندەك بىر ئاجايىپ سېزىم مېنى روھلاندۇردى.
— ئابا، ھۆرمەتلىك ئابا، ئاستىمدا ئات بار، قەيەرگە بولسا بارالايمەن، قولۇمدا قىلىچ — قالقان بار، يولۇمنى توسۇغان دۈشمەنگە بوي بەرمەيمەن. سىلىدەك ئابرۇيلۇق ئاتام بار، قەدىمىم رۇس، يۈزۈم يورۇق. يەنە ماڭا نېمە كېرەك بولسۇن؟
— ياق بالام، مەملىكەتنىڭ شاھى بولغان خاقاننىڭمۇ كىشىلەردىن تەلەپ قىلىدىغان نەرسىسى، كۈتكەن ئارزۇ — ئۈمىدى بولىدۇ. كۆڭلۈڭگە پۈككەن نەرسىنى ئېيتىپ باققىن. رۇمدا بولسىمۇ ئەكەلدۈرۈپ بېرىمەن.
ھاياجان بىلەن رەيھاندىنغا باققان بويانقار «ماڭا ئېسىللىكتىن باشقا ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس» دېمەكچى بولدى — ياق، ئاغزىدىن چىقىرالمىدى. ئۇ كاخىشلىق تامغا چىقىرىلغان ئاجايىپ كۆركەم تەكچە ئويۇقلارغا تىزىپ قويۇلغان كىتابلارغا قارىغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى:
— ھۆرمەتلىك ئابا، راست، بىر تىلىپىم بار، لېكىن يۈزتۇرا ئېيتىشقا پېتىنالمايۋاتىمەن. ئابامغا دېسەم، ئۇ قۇزلىرىگە يەتكۈزسە.
رەيھانىدىن قول باغلاپ تۇرغان بويانقارغا كۆز سالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، چىرايى قىزىرىپ كەتكەنىدى:
— ماقۇل، تەلەپنى ئاشانۇقادىن ئوقۇپ جاۋابىنى بېرىي، بالام. بارغىن، ئاتا — ئاناڭ ساڭا مۇنتەزىر.
رەيھانىدىن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى، قايتىپ كىرىپ كىتابخانىسىدا ئولتۇرغىنىچە خىيالغا غەرق بولدى. «سۆزلىرى شۇنچە ئورۇنلۇق، ئۆزى بەك ئەدەپلىك. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى ماڭا كۆيۈنۈش بولۇش ئوخشايدۇ. ماقۇل دېسەم ئەل جامائەت نېمىدەپ قالار؟ ماڭا كۆز ئالايتىپ يۈرگەن ئەربابلار مەسخىرە قىلماسمۇ؟ ماقۇل بولمىسام، ماڭا ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىم ئازار يەيدۇ. بويانقار ئۆيدىن چىقىپ يىراقلارغا كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئاشانۇقا، بۈدرەچ موماي قانداق قىلار؟ بويانقار ئاجايىپ ئەقىللىك يىگىت، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى مەنۇ خالىمايمەن…»
رەيھانىدىن پەردىسى قايرىلىپ دېرىزىدىن تاشقىرىغا كۆز سېلىپ، كۆچى شەرەپنىڭ دەرەخ يوپراقلىرىدا ئالتۇن تەڭگىدەك چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. شامداندىكى شامنى يېقىندى، ئۆي ۋاللىدە يورۇدى. ئۆينىڭ تۆت تېمىدا تېخىچە ئۆيۈق چىقىرىلمىغانىدى. رېھىل①دىن چوك — كىچىك ئىككىسى ھويلىغا قارايدىغان دېرىزە تەكچىسىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. بىرىگە ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ ئەسىرى قويۇلغانىدى. رەيھانىدىن ھەر كۈنى ئەتەگەن — كەچ تەرەپلەردە مۇشۇ كۈتۈپخانىسىدا كىتاب ئوقۇيتتى، پىكىر يۈرگۈزەتتى.
ئۇ دېرىزىدىن يەنە بىر قېتىم كۆز سېلىپ شام بولغانلىقىنى بىلدى، شەپەق ئۆچكەنىدى. شام نامىزىنى ئوقۇۋېلىپ رېھىل ئالدىدا ئولتۇردى. ئۇ فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى تۈنۈگۈن كەچ
① رېھىل — ياغاچتىن سىپتا قىلىپ ياسالغان، كىتابنى قويۇپ ئوقۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم.
باشلىغانىدى. ئوقۇشقا شۇنداق بېرىلىپ كەتتىكى، خوتۇننىڭ كىرگەنلىكىنى تۇيمۇ قالدى. يابىرا كۆتۈرۈپ كىرگەن ئوغلىنى رەيھاننىڭ دۇمبىسىگە ئېسىلدۇرۇپ قويدى. — ئابا، ئابا! يۈسۈپنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاتىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. — قاچان كىردىڭ ئوغلۇم؟ — دېدى ئۇ يۈسۈپنى قولىغا ئېلىپ. بالا رېھىل ئۈستىدىكى كىتابقا ئىنتىلىپ كۈلۈپ بىر نېمىلەرنى دەپ كەتتى. رەيھان ئۇنى رېھىل ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. — ئوقۇپ بەر بالام، بىز ئاڭلايلى، — يۈسۈپ ۋىلجىلاپ كۈلدى، لەۋلىرىنى قىمىرلىتىپ ئۆزىچە كىتاب ئوقۇشقا كىرىشتى. رەيھان كۈلۈمسىرەپ يابىراغا قارىدى: — بالىغا قاراش ئۆزۈم، كىتابقا ئامراقلىقىنى. — ئاتىسىنى دورىغان — دە. سىلى بۇ ئۆيگە كىرمىسەلا ھەممىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىدىلا، — دېدى يابىرا قېيىدىغان تەرزدە. ئۇ كېچىلىك ئوزۇن ئاق كۆڭلەك كىيىپ، ھاۋا رەڭ رومال سېلىۋالغانىدى. بىتاقەت بولۇپ ئاچچىقلىنىپ قالغانلىقى مۆلۈك چىرايىدىن بىلىنىپ تۇراتتى، — ھاجەپ، نېمىشقا گەپ قىلمايلا، ئولتۇرۇپ كەتتىلىغۇ؟ — بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرى كۈتمىگەن يەردىن چىقىدىكەن. باياتىن بېرى ئەنە شۇنداق بىر ئىش مېڭەمنى قوچۇۋەتتى، كىتاب ئوقۇغان بولساممۇ ئېسىمدە قالمىدى. يابىرا خىيالچان بولۇپ قالغان ئېرىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇنىڭ كۆزى كىتاب ئارقىنى يىرتماقچى بولۇۋاتقان ئوغلىغا چۈشتى. — يۈسۈپ، يىرتما، ماڭا بەرگىن، — دېدى قولىدىكى كىتابنى ئېلىۋالماقچى بولۇپ. بالا بەركىلى ئۇنماي چىڭ تۇتۇۋالدى. رەيھان قۇمۇش قەلەمنى تەڭلىدى، يۈسۈپ
كىتابنى قويۇپ قەلەمنى ئېلىپ يازماقچى بولۇپ غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كەتتى. يابىرا ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ سورىدى: — قانداق كۈتمىگەن ئىشقا دۇچ كەلدىڭ ئاتىسى؟ — بويانقار ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۆزىنى ئادا قىلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئات مىندۈرسەم، تون كىيدۈرسەم ئەرزىيتتى. لېكىن، ئۇ مەندىن باشقا بىرنەرسىنى تەلەپ قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. — نېمىنى، ئاتىسى؟ — قىزىمىز ئايسىلىقنى. — ئايسىلىقنى؟ — چۆچۈگەندەك بولۇپ ئېرىگە قارىدى يابىرا، — ئۇ قولىنىڭ قىزىمىزغا كۆز سېلىپ يۈرگىنىگە خېلى بولدۇمىكىن دەيمەن، ئاتىسى. — ئۇنداق دېمەڭ يابىرا، بويانقار ئەمدى قۇل ئەمەس، قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنغان ھۆر ئادەم! — غەزىپى ئېشىپ كەلگەن رەيھاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، — نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ بويانقار ياخشى يىگىت، مېنىڭ خىزمەتچىم ھەم شاگىرتىم. ئۇ مېنى رازى قىلىپلا قالماي، ئېلىنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتتى. ئەممۇ، ئۇنىڭ ئايسىلىققا كۆزى چۈشكەنلىكىنى بىلمەي كەلگەنكەنمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يامانلىساق بولمايدۇ. — بۇ نېمە دېگەنلىرى ھاجىپ. ئۇ يامانلاشقا بولمايدىغان شۇنچە كىم ئىدى؟ ئوردىكەنتكە بىر قېتىم بېرىپ — كېلىپلا گەپ قىلغىلى بولمايدىغان ئالىيجاناب زات بولۇپ كەتتىمۇ ئەمدى؟ قايسى قوللىرىنى بۇيرۇسلا بېرىپ كېلىپتىغۇ؟! — زەردە قىلدى يابىرا يىغلامسىراپ. — ئۇ ئىشقا ھەممىلا قولنى بۇيرۇغىلى بولمايتتى. ھۆددسىدىن چىقالايدۇ، دەپ ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن بويانقارنى ئەۋەتكەنمەن، خوتۇن، — رەيھاندىننىڭ ئاۋازى چىڭراق چىقىپ
كەتتى. يۈسۈپ گاھ ئاتىسىغا، گاھ ئانىسىغا بېقىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قورقۇپ يىغلىۋەتتى.
رابىيە بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بەزلەشكە باشلىدى. يۈسۈپنىڭ يىغىسى توختىدى، ئاتىسىغا قاراپ قول ئۇزارتتى.
— سىلىچە بولغاندا ئايسىلىگنى بويانقارغا بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ — رابىيەنىڭ ئاھۇ كۆزلىرىدىن تامچىلىغان ياش مەڭزىدىن ئېقىپ ئېتەككە چۈشتى.
رەيھاندىن يۈسۈپنى قۇچىقىغا ئېلىپ مەڭزىنى — مەڭزىگە ياقتى.
— مەن ئايسىلىگنى بېرىمىز دېمىدىمغۇ. ئەمما، بۇ توغرۇلۇق جىددىي ئويلانمىساق ياخشى بولمايدۇ، ئەزىزىم. مەن ئۇنىڭ تەلەپىنى ئورۇنلاشقا ۋەدە بېرىپ قويغانىدۇم.
— ۋەدە بېرىپ قويغانىدىم؟ بۇ نېمە دېگەنلىرى ھاجىپ؟ — رابىيەنىڭ ئۆتكۈر قېشى سەل كۆتۈرۈلدى، — ئۇ ئايسىلىگكە ئۆيلىنىش تەلەپىنى قويغانمىدى يا؟
— ياق، خوتۇن، — رەيھاندىن قومۇش قەلەمنى مەڭزىگە ئۇرۇۋېلىپ يىغلىغان يۈسۈپنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ كۈلدۈردى، — ئۇ ماڭا ئۇنداق تەلەپنى قويمىدى. لېكىن، مەن ئۇنىڭ تەلەپىنى ئورۇنلىماقچى بولدۇم، خالاس.
— ئۇنداق بولسا، نېمىشقا بۇنچە باش قاتۇرۇپ كېتىدىغانلا؟ تەلەپى نېمە بولسا، شۇنى قىلىپ بەرسەك بولىدىغۇ.
— قەدىرلىكىم، خاپا بولماي مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئورنىغا قارىغاندا، بىزگە كۈيۈنۈغۇل بولغۇسى باردەك قىلىدۇ، — رەيھاندىن ئېغىر تىندى.
— نېمە! بۇنى ئۇچۇق دېگەنمىدى ئۇ قۇل؟ — رابىيە ئۈن سېلىپ يىغلىدى. يۈسۈپ قول ئۇزارتىپ ئانىسىغا ئېسىلدى.
— ئۇ قۇل ئەمەس، ھۆر ئادەم!
رەيھاندىن خوتۇننىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېقىندىلا
ئولتۇرغۇزدى. يۈسۈپنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىماي ئانىسىغا يېپىشىپ تۇرۇۋالدى.
— يىغلىماڭ ئەزىزىم، ئاللا ئىنسانلارنى يارىتىشتا بىرسىنى ھۆر، بىرسىنى قۇل قىلىپ ياراتمىغان، بەلكى ھەممىنى ئوخشاش ياراتقان. لېكىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، قەھرى، مېھرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، مال-مۈلكى، بايلىقنىڭ، ئارزۇ-ئارماننىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى، ئىرا دە-جۈرئەتنىڭ، غەيرەت-جاسارەتنىڭ، بىلىمنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئادەملەر ھۆر، بىر قىسىم ئادەملەر قۇل، يەنە بىر قىسىم ئادەملەر قۇلدار بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە. ياراتقۇچىمىز ئاللانىڭ دەرگاھىدا ھۆر ئادەممۇ، قۇلمۇ باراۋەر. شۇڭا، مەن بىر قىسىم قۇللارنى ئازاد قىلىۋەتتىم، جۈملىدىن بويانقارمۇ ھازىر قۇل ئەمەس، ھۆر ئادەم. بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىزىمىزغا كۆزى چۈشكەنلىكى تەبىئىي ئەھۋال.
— سىلىچە بولغاندا قىزىمىزنى بويانقارغا بەرسەك بولغۇدەك، شۇنداقمۇ ئاتىسى؟
— مەن تېخى ئۇنداق دېمىدىمغۇ. ئالدىراپ-تېنەپ نېمىدەپ كېتىدۇ، ئاڭلاپ مەسلىھەتلەشمەمدۇق.
— مەن، قىزىمىز بەختلىك بولسا ئىكەن، دەيمەن ئاتىسى. كۆيۈئوغلىمىزنىڭ ئۆزۈمىزدەك ئېسىلزادە بولۇشىنى تىلەيمەن.
— مەن بەختسىز بولسا ئىكەن، دەمدىمەن ئانىسى؟ قىزىمىزنىڭ بەختلىك بولۇشى بىر ئېسىلزادە بىلەن توي قىلىشىغا باغلىق ئەمەس. ياخشى كۆرگىنى بىلەن نىكاھلىنىشىغا ۋە بىزنىڭ كۆيۈئوغلىمىزنى ياق تۇرۇپ قوبۇل قىلىشىمىزغا باغلىق. بۇ توغرۇلۇق چوڭقۇرراق ئويلىنايلى، قەدىرلىكىم، ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.
يابىرا ماقۇللۇق نەزىرى بىلەن قاراپ ئورنىدىن تۇردى. — بالىنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ قالدى، ھۇجرىمىزغا چىقايلى. رەيھاندىن يۈسۈپنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.
3
يۈسۈپنىڭ ئايلىقى چىققاندا، بويانقار بىلەن ئايسىلىقنىڭ تويى بولدى. بۇ باش ئەتىياز مەزگىلى ئىدى. غۇر - غۇر شامال ئامدى يەردىن باش كۆتۈرگەن بۇغداي مايسىلىرىنى يەلپۈندۈرۈپ، يېڭىدىن ياپراق چىقارغان دەل - دەرەخلەرنى ئىرغاتماقتا ئىدى. ئېگىز سۈيى بىلەن تولغان چۇ دەرياسى شارقىراپ ئاقاتتى. بالاساغۇن شەھىرى كۈندىن - كۈنگە ئاۋاتلىشىپ، باغ - ھويلىلار كۆكىرىپ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. مانا شۇنداق مەزگىلدە تۇغۇلغان يۈسۈپ دەل بىر ياشقا كىرگەنىدى. بويانقار بىلەن ئايسىلىقنىڭ تويى بالاساغۇندا ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق سۆز - چۆچەك پەيدا قىلدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ سۆز - چۆچەكنى پەيدا قىلغىنى شاد - خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكەن توينىڭ ئۆزى بولماستىن، بۇ توينىڭ بولۇشىغا جان - جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان ئادەملەر ئىدى. ئايتولۇننى ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەكچى بار بولۇنبەگ غەزەپتىن ئېلىپ قايتىپ كېلىپ، بوزاغۇننىڭ ئويچان، كەم سۆز بولۇپ قالغىنىدىن ئەجەبلەندى: — ئوغلۇم، روھىڭ كۆتۈرەڭگۈ، خۇشخۇي ئىدىڭ. نېمىشقا جىمغۇر، خامۇش بولۇپ قالدىڭ؟ قىلىچۋازلىقتا بىرسىدىن يېڭىلىپ قالدىڭمۇ؟ چېلىشىشتا يانپىشىڭ يەرگە تېگىپ ئابرۇيۇڭ تۆكۈلدىمۇ؟ نېمە بولدۇڭ زادى؟ بۇ سوئاللار بوزاغۇننىڭ يۈرىكىگە خەنجەردەك سانجىلدى. ئۇ تامدەك تاتىرىپ كېتىپ، ئاتىسىغا كۆزىنى قىلدى. — ھەزرىتىم، بالىنى ئۆز ھالىغا قويسىلا، ئوغلىمىز
قىلىچۋازلىقتا يېڭىلىپ قالغاندىنمۇ، چېلىشىشتا يىقىلغاندىنمۇ ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالدى، دېدى بوزاغۇنىڭ ئانىسى ئايىخان يىغلامسىراپ.
زادى نېمە بولدى؟ مەن ھايات تۇرۇپ ئوغلۇمنىڭ بېشى سىلىنىپ قالسا، خەق نېمە دەيدۇ؟ ئېيتىڭ، مەن كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟
ھەزرىتىم، سىلى غەزىنەلەر ئېلىشكە كەتكەندىن كېيىن، ئوغلىمىزغا جاھاندىكى ھەممە دىشۋارچىلىق بىر يولى كەلدى. ئايتولۇننىڭ تويى بولدى. سىلىنىڭ يوقلۇقلىرى بەكمۇ بىلىندى. بىچارە ئوغلۇم بەكمۇ ئازابلاندى.
نېمىلەرنى دەۋاتىسەن خوتۇن، رەيھاندىن قىزنى كىمگە بەردى؟
كىمگە بېرەتتى، چاغىربەگ ئادامتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئالىپ ئۆدەشكە بەردى. يۈزىمىزنى قىلمىدى ئۇ لاتىپۇرۇش، سىلى بولسىلا ئۇنداق قىلالمايتتى.
مامۇق ياستۇققا يۆلىنىپ يانپاشلاپ ياتقان بولۇنبەگ ئاچچىقىدا رۇسلىنىپ ئولتۇردى. سەمىرىپ تاغاردەك تىقىلىپ كەتكەن خوتۇننىڭ لىغىلداپ تۇرغان كۆكسىدىن كۆزىنى ئېلىپ، قاپقىدىن قار ياغدۇرۇپ ئولتۇرغان ئوغلىغا قارىدى.
سېنى مەن قوي قوزىلارغا ئارام بەرمەيدىغان چىلبۆرى دەپ بىلەتتىم. ئەجەبا، بىر ئوغلاننىڭ قارنىنى يېرىۋېتەلمەپسەن-دە. قىزنى قاراپ تۇرۇپ تارتىۋېلىپ قويغىنىڭنى قارا! ئەل جامائەت ئالدىدا ئۆزۈڭلا يەرگە قاراپ قالماي، مېنىڭمۇ يۈزۈمنى تۆكۈپسەن دۆيۈز، بولۇنبەگ قولىنى شىلتەپ خوتۇننىڭ قولىدىكى پىيالىنى چۈشۈرۈۋەتتى. ناۋات سالغان زەپە چاي ئايىخاننىڭ ئېتەكلىرىگە تۆكۈلدى.
ھەزرىتىم، ئۆزلىرىنى بېسىۋالسلا، ئەمدى باشنى تاشقا ئۇرغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ. توي بولۇپ بولدى. قوزغوردىدا باي زەردارلارنىڭ قىزى ئاز ئەمەس. بۇغراخان، ئېلىكخان
جەمەتتىكىلەرنىڭ قىزلىرىمۇ بار، تاللاپ ئېلىپ بەرسەك بولىدىغۇ.
— بولدى، ئۆتمۈش بىلەن ئايتولۇننى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن! — چاچراپ تۇرغان بوزاغۇ ئاسقۇدىكى قىلىچىنى ئېلىپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
— توختا! ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچىمۇ سەن! — بولۇنبەك قوپۇپ ئونىڭ ئالدىنى توستى، — ئاتاق — نامى چىققان ئۇيغۇر ئالىپ بىلەن ھاجىپ بولغان كاتتا زەردارنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈپ ھۆددىسىدىن چىقالامسەن؟ پەيت كۈتۈش كېرەك، ۋاقىتى — سائىتى كەلگەندە بۇغرا قاراخان بىزگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ، رەيھاندىنبەگنىڭ قىزلىرى، بايلىقى بىزنىڭ بولىدۇ. شۇنى ئېسىڭدە تۇتقىنكى، دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالمىساڭ، قىلىچىڭنى قىنىدىن ھەرگىز سوغارما.
بولۇنبەك بۇ سۆزنى بىكار قىلمىغانىدى، راستىنى دېگەندە ئۆزىدە ئىشەنچ يوق ئىدى. باش ۋەزىر بولغان بىلەن پۈتۈن ھوقۇق مەنسۇرخاننىڭ قولىدا ئىدى. ئۇ پەقەت مەسلىھەت بېرىش، مەلۇم قىلىش، يوليورۇق سوراش بىلەن چەكلىنەتتى، پەرمان — يارلىقلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئونىڭ غەرىزى مەنسۇرخاننى چاڭگىلىغا ئېلىش ئىدى. بۇ جەھەتتىن دوقاقبەگ بىلەن ھەمنەپەس ئىدى. بۇغرا قاراخان مەرھۇم ئاكىسىغا ئوخشاش ئۇلارغا قۇيرۇقىنى تۇتقۇزمايۋاتاتتى. بولۇنبەك بولسا سەۋرچانلىق بىلەن پەيت كۈتەتتى. ئۇ مەنسۇرخاننىڭ ھەمىشە يۈسۈپ قادىرخاندىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، تەختنى تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكى پوكۇلداپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىپ ھىيلە — مىكىر ئويلايتتى. مەنسۇرخاننىڭ ئاغزىدىن كىرىپ بۇرنىدىن چىقىپ، خېلى ئىشەنچىگە ئىگە بولۇۋالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇغرا قاراخان ئونى غەزىنەلەر
ئېلىككە ئەلچى بولۇپ بېرىشقا بۇيرۇغاندا «باش ئۈستىگە» دەپ يولغا چىققانىدى. توققۇز جۈپ قىز كېنىزەك، توققۇز جۈپ ئەر غۇلام، قىرىق تۆگىگە ئارتىلغان چاڭئەن تاۋىرى، قىرىق پارچە خوتەن گىلىمى، مىڭ كۈمۈش يامبۇ، توققۇز كېسەك ئالتۇن، قەشقەر تۆمۈرچىلىرى سوققان ئالتۇن ساپلىق قىلىچ، گۈرزە، توققۇز جۈپ گۆھەر قاتارلىق سوۋغاتلار سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ كۆڭلىگە يېقىپ، بولۇنبەگ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئوردا تەكلىپخانىسىغا چۈشۈرۈپ ئېلتىپات كۆرسەتتى.
بولۇنبەگ يەرگە باش قويۇپ:
— بۇغرا قاراخان مەنسۇرخان ھەزرەتلىرى قىزى قونچۇي دىلسۇزبىكەنى ئالىپ ئوغۇللىرى مەسئۇد تېگىنگە ياتلىق قىلىشنى شەرەپ بىلىدۇ، — دېگەندە، ئالتۇن تەختتە بۇرۇت تولغاپ ئولتۇرغان مەھمۇدخان باش لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرىدى.
— بۇغرا قاراخان مەنسۇرخاننى ئۆز تېنىمدەك كۆرىمەن. ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاقىتتا ياردەم بېرىشنى خالايىمەن، يالۋاچ ئوزاققا قالماي، كېلىننى ئېلىپ كېلىشكە ئوغلىمنى ئەۋەتسۇن، — دەپ بولۇنبەگكە خىلئەت تەقدىم قىلدى. مىسىرنىڭ يوللۇق يىپەك شايىسىدىن تىكىلگەن زەر تۈگمىلىك تون، سەمەرقەنت ئارغىمىقى، گۆھەر كۆزلۈك كۈمۈش كەمەر، كۈمۈش ساپلىق قىلىچ — قالقان بولۇنبەگ ۋەزىرنى غايەت خوش قىلىۋەتتى. مەنسۇرخانغا ئالتۇن تاج، خانىش سارا ئالتۇن تارىملىق گۆھەر كۆزلۈك ئالتۇن ئوتۇغات، سەمەرقەنتنىڭ ھېلىھەم رومىلىنى، مەلىكە دىلسۇزغا ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك، پەرغانىنىڭ يوللۇق ئەتلىسىدىن تىكىلگەن يەتتە قات كۆڭلەك، ھەمراھى قارا پۆركەنجىسىنى سوۋغات قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەۋەتتى.
غەزنە شەھىرىدىن تېرىسىگە پاتماي كەلگەن بولۇنبەگنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا ئايتولۇننىڭ تويى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەھۋالى
ئۆچتى. ئۇ قاتتىق ئاچچىقلاندى. پەيتىنى تېپىپ رەيھاندىن ھاجىپنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولدى.
ھالبۇكى، رەيھاندىن يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنىڭ: ئوردىدىن زىنھار ئايرىلغۇچى بولماڭ، دېگەن سۆزىنى قايتا - قايتا ئويلاندى. بۇ سۆزدە مەنسۇرخانغا يېقىنلىشىڭ، دېگەن مەنا بار ئىدى. يېقىنلىشىش دېگىنى، نىيەتتىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ، دېگىنى ئەمەسمۇ. بۇنىڭغا سەل قارىسام بولمىغۇدەك. ياخشى - ياماننى پەرقلەتمەي، كىم خوشامەت قىلسا شۇنى ئۆزىگە يېقىن بىلىدىغان مەنسۇرخاننى، ئوردىكەنتكىمۇ لەشكەر تارتىپ بارمايدىغان، غەزىنەلەر بىلەنمۇ تىل بىرىكتۈرمەيدىغان قىلىپ قويۇش كېرەك، دېگەن يەرگە كەلگەندە رەيھاندىن پۇرسەت تاپسىلا مەنسۇرخانغا كۆرۈنۈش قىلىپ، مۇلايىملىقى، گەپ - سۆزىنىڭ ئورۇنلۇق، خىزمىتىنىڭ نۇقسانسىزلىقى بىلەن ئۇنىڭ نەزىرىنى تارتتى. مەنسۇرخان بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەرنىڭ چىقىشتۇرۇشى بىلەن ئاغچى ئۇلۇغلۇق ۋەزىپىسىدىن رەيھاندىننى قالدۇرۇۋەتكىنىگە پۇشايمانمۇ قالدى. ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەننى تەسرىلەندۈرۈپ، يامان نىيەتتىن ياندۇرۇش - ياخشى نىيەتلىك، جۈرئەتلىك غەيۇر كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئالىيجاناب خىزمەتتۇر. رەيھاندىن ئەنە شۇنداق قىلدى.
ئانار، ئەنجۈر پىشقان باش كۈزنىڭ بىر كۈنى، سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ ئوغلى شاھزادە مەسئۇد بىرنەچچە ۋەزىر، ئەمىرنىڭ ھەمراھلىقىدا نەچچە يۈز ياساۋۇل، نۆكەرلەر بىلەن بالاساغۇننىڭ قۇت دەھرىزىسىدىن كىرىپ كەلدى. مەنسۇرخان ئۇلارنى يەتتە چاقىرىم يەرگە بېرىپ كۈتۈۋالغانىدى. ئۇ قىرىق كۈن توي قىلىپ بەردى. تويغا چۈشكەن سوۋغاتلار ئىچىدە رەيھاندىن ئائىلىسىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ھەم كۆپ، ھەم قىممەت باھالىق بولۇپ، بارلىق دۆلەت ئەركانلىرىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنىدى. ئۇ بالاساغۇنغا كەلگەن رۇم
سودىگەرلىرىدىن سېتىۋالغان «كاككۇك سائەت»، قەشقەر زەرگەرلىرىگە ياساتقان ئالتۇن تاج، تۆت پەسىلنىڭ مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان تۆت پارچە گۈللۈك گىلەم، مەلىكە دىلسۇزغا ئاتاپ ياساتقان بىر جۈپ بىلەزۈك بىلەن ئالماس كۆز قويۇلغان ئۈچ دانە ئالتۇن ئۈزۈك، يۈز ئاق قاشقا تورۇققا تارتىلغان يۈز تاي كىمخاب - دۇردۇن قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
بۇ سوۋغاتلار مەنسۇرخانغا ناھايىتى يېقىپ كېتىپ، رەيھاندىنغا بولغان قارىشى دەرھال ئۆزگەردى. ئۇ مەرھۇم ئاكىسى تۇغانخاننىڭ جەڭگاھتىن غەلىبە بىلەن كېلىشىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزگەن كاتتا مەرىكىسىگە رەيھاندىننىڭ باشچىلىق قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، توي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى بولۇنباگكە ئەمەس، ئونىڭغا تاپشۇردى. توينىڭ قىرىق بىرىنچى كۈنى شاھزادە مەسئۇد ناھايىتى رازى بولغان ھالدا مەلىكە دىلسۇزنى ئېلىپ ئېلىگە قايتتى. مەنسۇرخان شۇ كۈنى كېچىدە ھەرەمدىكى خاس ھۇجرىسىغا رەيھاندىننى چاقىرتتى، ئۈچ قات كىمخاب يەكتەنداز ئۈستىدە يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.
- ھاجىپ، مەن سىزدىن ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم، - دېدى ئۇ سۆز باشلاپ، - قىرىق كۈن داۋاملاشقان توي ئىشلىرىغا ناھايىتى ياخشى يېتەكچىلىك قىلدىڭىز. مېھمانلار زېرىكىپ قالمىدى، يىراقتىن كەلگەن ئەر - ئايال مېھمانلار رازى بولۇپ ئۆزدى. توي جىددى - ماجىراسىز، خۇشال - خۇرام، ئوبدان ئۆتتى. بۈگۈ بىلگە ① ئاكەنسىز. باشقا يۇغرۇشلار، ھاجىپلار، سۇبېشى، تارخانبەگلەرمۇ سىزگە يېتەلمەيدىكەن، - مەنسۇرخان سۆزىدىن توختاپ، خاس غۇلامى داستىخانغا كەلتۈرگەن ئالتۇن جامدىكى ئانار شەربىتىنى رەيھاندىنغا تۇتتى، - بەزىلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىپ سىزنى
① بۈگۈ بىلگە - مۇتەپەككۇر، ئالىم، بىلىملىك، دانىشمەن ئۇستاز.
ئىشەنچىسىز ساناپ، ئاغچى ئۇلۇغلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان ئارغۇن جالالىددىن ناقابىل ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى بۇزۇپ - چېچىپ ئىسراپ قىلىۋاتقىنى توغرىسىدا سىزدىن باشقا ھاجىپلار، يوغرىشلار، بەگلەر مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. پەقەت سىزلا بۇ توغرىلۇق ماڭا ئېغىز ئاچمىدىڭىز. خىزمىتىڭىزنى باشتىن - ئاخىر بەجاندىل، ساپ دىللىق بىلەن ئادا قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاغچى ئۇلۇغلۇق كورسىغا ئولتۇرۇشىڭىزنى خالاپ قالدىم. شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ، ئارغۇن جالالىددىننىڭ خىزمىتىدىكى نۇقسانلارنى راستلا بىلمىدىڭىزمۇ ياكى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سالدىڭىزمۇ؟
رەيھاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋاب بەرمەكچى بولۇۋاتىدى، مەنسۇرخان تونىنىڭ پېشىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزۇۋالدى.
— ئولتۇرۇپ سۆزلەڭ، دوستۇم، — ئۇ «دوستۇم» دېگەن سۆزنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن ئونلۇك ئېيتتى. رەيھاندىن سىنچى نەزىرى بىلەن قاراپ سورىدى:
— ئالىيلىرى راستلا ماڭا ئىشىنەمدىلا؟
— ئىشەنمىسەم بۇ خاس ھۇجرامدا سىز بىلەن سىردىشىپ ئولتۇرمىغان بولاتتىم.
— مەنمۇ ئالىيلىرىغا ئىشىنىمەن، شۇڭا ھەمىشە خىزمەتلىرىدە بولۇشنى ئىستەيمەن. ئالىيلىرىدا كۆڭلۈمدىكىنى دەي، مېنىڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ يامان كۆرىدىغىنىم چىقىمچىلىق بىلەن جان باقىدىغان سۇخەنچى. شۇڭا، ئارغۇن جالالىددىننىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى بۇزۇپ - چېچىپ خاراب قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن بولساممۇ، ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلمىدىم.
— دۆلەتكە، ئاۋامغا زىيان يەتكۈزگۈچىنى ئاشكارىلاش، مەلۇم قىلىشمۇ چىقىمچىلىق بولامدۇ ھاجىپ؟
— ياق، ئالىيلىرى، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق بولسا، بۇنى دەرھال ھەل - يورتقا ئاشكارىلاپ، بۇغرا قاراخانغا بىلدۈرۈپ،
گۇناھكارنى جازاغا تارتىشقا ياردەملەشكەن كىشى ھەرگىز سۇخەنچى ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ھەقىقىي ئەل غەمگۇزارى ئىكەنلىكى نامايان ئەتكەن بولىدۇ.
— توغرا ئېيتتىڭىز، ھاجىپ، ئەمما سىز نېمىشقا ئارغۇن جالالىددىننىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى بۇزۇپ — چاچقانلىقىنى، خانلىقىمىزنىڭ مال — مۈلكىگە خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا مەلۇم قىلمىدىڭىز؟
— چۈنكى مېنىڭ ئورنۇمغا ئۇنى ئۆزلىرى تېپىلىپلا تۇرسىلا.
مەنسۇرخاننى ئويلاندۇرۇپ قويدى: «بۆلۈنبەگ، دوقاقبەگلىەرنىڭ چىقىشتۇرۇشى بىلەن رەيھاندىنبەگكە بولغان ئىشەنچىمنى يوقاتقانلىقىم، ئىشچى بېشى بولغان بىر شارابخورنى ئاغچى ئۇلۇغى قىلىپ كۆتۈرگىنىم راست. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن ئىشەنگەن ئادەم ئۈستىدىن ماڭا مەلۇمات بېرىشكە كىممۇ پېتىنالىسۇن؟…»
— سىز مېنى يامان يەردىن تۇتۇۋالدىڭىز، ھاجىپ. سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مەلۇم قىلمىغانلىقىڭىز چۈشىنىشلىك بولدى.
«توغرا قىلمىغانلىقنى چۈشىنىشكە باشلىغاندەك قىلىدۇ، ئەمدى ئۇنى يامان نىيەتتىن ياندۇرۇش كېرەك.» كۆڭلىگە بۇ خىيال كەلگەن رەيھاندىن شەرەپتىنى ئېچىپ تۇرۇپ دېدى:
— غەزنەۋىيلەر سۇلتانى بىلەن دوست بولۇپلا قالماي، بەلكى قۇدا — يېقىن تۇغقان بولۇپ قالدۇلا. ئەمدى خانلىقىمىز ئەمن تاپىدىغان، ئەلمۇ روناق تاپىدىغان بولدى، ئالىيلىرى. بۇنىڭدىن پېقىر ناھايىتى خۇرسەن.
مەنسۇرخان نېمىدەپ جاۋاب بەرسەم بولار، دېگەندەك قىلىپ، تىكەندەك يىتتىك، سارغۇچ ساقىلىنى سىلاپ، پەردىلىرى قايرىۋېتىلگەن قوش كۆزنەكلىك دەرىزىدىن ھەرەم بېغىغا كۆز سالدى. دەرەخ، گۈل — گىياھلارنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرى پىرىلداپ يەرگە چۈشۈۋاتاتتى. خاس مەھرەم كۈمۈش لېگەندە ئېلىپ كىرگەن ئىككى كاسا قوغۇننى
مەنسۇرخاننىڭ، مىس لېگەندىكى ئىككى كاسا قوغۇننى رەيھاننىڭ ئالدىغا قويدى.
— دېگەنلىرىڭىز ياخشى ئارزۇ، ھاجىپ، — مەنسۇرخان سۆزلەۋېتىپ، سېپىغا ئالماس كۆز قويۇلغان خەنجىرى بىلەن يۇنۇپ بىر پارچە قوغۇننى ئاغزىغا سالدى، شېرىنلىكىدىن تامقىنى چىكىپ لەززەتلەندى، — مەغرىب تەرەپكە نىسبەتەن ئەندىشىدىن ئۈمىد زور بولسىمۇ، ئەمما مەشرىق تەرەپتە ئەندىشىدىن تېخى ئۈمىد باردەك ئەمەس، — ئۇ بىر تىنۋېلىپ، بىلىندۈرمەي رەيھاننىڭ چىرايىغا كۆز سالدى. ھاجىپنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — مەشرىقتىمۇ ئەندىشە بولۇشى زۆرۈر. بۇ ئەندىشە بولمىسا مەن تەختتە قانداقمۇ خاتىرجەم ئولتۇرالايمەن؟
رەيھان دەھلىزدىن كۆزىنى ئېلىپ مەنسۇرخانغا باقتى:
— مېنىڭچە، مەشرىق تەرەپتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئالىيلىرى، قىتانلارنىڭ باستۇرۇپ كېلىدىغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر ئىشتىمدۇق.
— مەن قىتانلارنى دېمىدىم ھاجىپ، يۈسۈپ قادىرخاننى دەۋاتىمەن.
— ئوردۇكەنت دىيارىنىڭ بۇغراخانى بولغان بىر نەۋرە ئاكىلىرىدىن نېمىشقا خاتىرجەم بولالمايلا ئالىيلىرى؟
مەنسۇرخان قولىدىكى خەنجەرنى ئوينىتىپ سۆزگە كىرىشتى:
— سىز بىلىسىز، يا بىلمەيسىز ھاجىپ، مەن ئېلىكخان بولۇپ ئۆزكەنتتە تەختتە ئولتۇرغان چېغىمدا، يۈسۈپ قادىرخان دەسلەپ غەزنەۋىيلەر بىلەن، كېيىن ئاكام ئەھمەد توغانخان بىلەن بىرلىشىپ مېنى يوقاتماقچى بولدى. شۇ چاغدا ئودۇن پادىشاھى ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ كېلىپ، ئۇ بىر نەۋرە ئاكامنى ماۋە رائۇننەھرىدىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. ئۇ
187
قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئودۇن پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئودۇن دىيارىغىمۇ ھۆكۈمران بولۇۋالدى. باغداتتىكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپىسى ئۇنىڭغا «مەلىكۇل مەشرىق»① دېگەن نامنى بېرىپ تېخىمۇ يوغىناتقۇدەك قىلدى. مەن ئاكام تۇغانخانغا ناماقۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ ماڭا ئىشىنىپ ئىلتپات كۆرسىتىدىغان بولدى. قىتانلار باستۇرۇپ كەلگەندە، مېنى ئورنىغا نائىب قاراخان قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ماڭغانلىقىنى بىلىسىز. مەنمۇ نۇرغۇن لەشكەرلىرىمنى ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاتلاندۇردۇم. ئەمما، يۈسۈپ قادىرخان بىر نۆكەرنى ياردەمگە ئەۋەتمىدى. ئاكام ۋاپات بولۇپ ئورنىغا قاراخان بولغىنىمدىن كېيىنمۇ بەيئەت قىلدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى. ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ھازىر تازا قۇدرەت تاپقان ۋاقتى. كۆنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇنى قۇزئوردۇغا لەشكەر تارتىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئېيتالامسىز؟ مەن شۇڭا خاتىرجەم ئەمەس، ھاجىپ.
— ئېيتالايمەن، ئالىيلىرى. ئەگەر يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ قۇزئوردۇغا باستۇرۇپ كېلىش نىيىتى بولسا، ئەھمەد تۇغانخان تەختكە چىققاندىلا لەشكەر تارتىپ كېلەتتى، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنداق قىلمىدى. دېمەك، ئوردۇكەنت بۇغراخاننىڭ بۇ يەرگە لەشكەر تارتىپ كېلىش نىيىتى يوق. ئۇنىڭ مانا شۇنداق جىم تۇرۇشى بەيئەت قىلغانلىقى، ئالىيلىرىغا كىمنىڭ ئۇنى بەيئەت قىلمايدۇ، دەپ ئېيتقانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇنداق دەپ ئېيتقۇچىنىڭ ئۆزى قارا نىيەت.
— ماڭا ھېچكىم ئۇنداق دېگىنى يوق، — دېدى مەنسۇرخان تاتىرىپ كېتىپ. لېكىن، شۇ ئان ئۆزىنى ئوڭشاپ قوشۇپ قويدى، — يۈسۈپ قادىرجان ئۆزىنى ئۆزلىگىدىنلا ھېسابلايدۇ، ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن.
① مەلىكۇل مەشرىق — شەرق پادىشاھى دېگەن مەنىدە بولۇپ، باغدات خەلىپىسى يۈسۈپ قادىرخاننى شۇ نام بىلەن ئاتىغان.
— ۋەلىئەھدى ئىكەنلىكى راستقۇ، خاقانىم، ئۇ بۇغرا قاراخان ھارۇن ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى، ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋرىسىغۇ… — بولدى بەس! — رەيھاننىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى مەنسۇرخان كەسكىن ھالدا، — مېنىڭ كىملىك نەسەبىدىن ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلىدىغانسىز، ھاجىپ؟ — ئەلۋەتتە، — رەيھان ئىزھارەت بېرىشنى خالىماي جىم بولدى. — بىلىپ قويۇڭكى، مېنىڭ ئاتام سېيىت ئەلى ئارسلانخان غازى. بوۋام ئالىپ تېگىن قۇبۇل پەتتاھ بىننى ئەبۇنەسر سامانى. چۆچ بوۋىمىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان. ئۇنىڭ قىزى مەلىكە نۇرئەلانۇر خېنىم — مېنىڭ مومام — بۇغرا قاراخان بولغان ئاتامنىڭ ئانىسى. مەن ئاتا تەرەپتىنمۇ، ئانا تەرەپتىنمۇ شاھ — سۇلتانلاردىن بولغان پەيغەمبەر ئەۋلادى مەن. شۇڭا، ھەقىقىي ۋەلىئەھدى مەن بولۇشۇم كېرەك، چۈشەندىڭىزمۇ؟ مەنسۇرخان سۆزىنى تۈگەتكۈچە چىشلىشىپ گەدەنگىچە قىزىرىپ كەتتى. ئۇ بۇغرا قاراخان بولغاندىن بېرى سەمىرىپ، توغرىسىغا يوغىناپ كېتىۋاتاتتى. كۆندىن — كۈنگە چىچى چۈشۈپ ئايمەك باش بولۇپ قېلىۋاتاتتى، شۇڭا ئىككى يۆگەم سەللە ئورالغان تاجنى بېشىدىن كېچىسى ئالمىسا كۈندۈزى ئالمايتتى. ئۇ ئىسسىپ كەتكەن بولسا كېرەك، مىسىرنىڭ ئېسىل يىپەك شايىسىدىن تىكتۈرگەن تونىنىڭ ئۈستىدىن باغلانغان كەمەرنى بوشىتىۋېتىپ كېرىلىپ ئولتۇردى. ئۇ ئوردا ئىچىدىمۇ، جامائەت ئارىسىدىمۇ ھۆرمىتى چوق، ئورنى ئۈستۈن بولغان ھاجىپ رەيھاننىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى قوللىشىنى، ئۆزىگە يېقىن تۇرۇشىنى شۇنچە خالايتتىكى، ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىشكە يول قويغۇسى كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئوچۇق سۆزلۈكى، راستچىللىقى مەنسۇرخاننى قايىل قىلغان، شۇنداقلا گۇمانلاندۇرۇپمۇ قويغانىدى. قەبىلىلەر ئارا ھەيۋىتى، تەسىرى بار بولۇپبەك،
دوقاقبەگلىەر كۈندە نەچچە قېتىم ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن شەكلىنەتتى، ھىيلە - نەيرەڭلىرىدىن چۆچۈيتتى. شۇڭا، ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە يېقىن تۇرۇشقا، ئۆزىنى داۋاملىق قوللاشقا موھتاج ئىدى.
رەيھاندىن سۆز باشلاپ مەنسۇرخاننىڭ خىيال قۇشىنى كۆڭۈل دەھرىدىن ئۇچۇرۇۋەتتى.
— چۈشەندىم، ئالىيلىرى. ئەگەر بۇغرا قاراخانلىق تەختىدە ئەمىن بولۇشنى ئىستىسەك، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ، ئەلگە تىنچلىق، ئاسايىشلىق بېخىش ئېتىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. پىتنە - پاساتلارغا ئالدىنىپ يېنىكلىك قىلىنسا، ئاۋامنىڭ، ئەل - يۇرتنىڭ ئارزۇ - تىلىكىگە خىلاپلىق قىلىنسا، مەملىكەتتە تىنچلىق، ئەمىنلىك بولمايدۇ. بۇ ھەممىدىن خەۋپلىك، ئالىيلىرى.
مەنسۇرخان باش لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ دېدى:
— ھاجىپ، سىز راستلا يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ماڭا بويۇنتۇغلۇق قىلماسلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
— ئەلۋەتتە، سىلى قىلىچ كۆتۈرمىسەلا، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ قىلىچىنى قىنىدىن سۇغارمايدۇ.
— يۈسۈپ قادىرخاننى قوزغۇلاڭچى باشتۇرۇپ كەلمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەنسىز - دە.
— شۇنداق، يىراقتىن خىيال قىلىشمايمۇ، ئەھۋالنى چۈشەنگىلى، يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى، بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ سىرداشقىلى، ئاداوەتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنسىلە، ئالىيلىرى.
— ماقۇل، مەن بۇنىڭغا ئىشەندىم. ئەمدى سىزنى چاقىرتىشىمدىكى يەنە بىر زۆرۈرىيەتنى ئېيتاي. بۇ ئاۋامغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، ئۆزۈمگە تەئەللۇق خۇسۇسىي ئىش، — دېدى مەنسۇرخان ئاۋازىنى پەسلىتىپ، ئاندىن رەيھاندىننى خاس
مەھرەملەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ كىرگەن تاماغلارغا تەكلىپ قىلدى.
— ئېيتسىلا ئالىيلىرى، ئەگەر يىگىنىڭ ياردىمى كۆپرەك بولسا باش ئۈستىگە، — رەيھاندىن بېشىنى يېنىك ئەگدى.
— ئاكام ئەھمەد تۇغاندىن ۋاپات بولۇپ مەشرىقتىن مەغرىبكە سوزۇلغان كاتتا مەملىكەتنى ماڭا قالدۇرۇپ كەتتى، — مەنسۇرخان بىردەم تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى ئاستا داۋام قىلدى، — شۇنداقتىمۇ تۆت خوتۇنى، يىگىرمىدىن ئارتۇق چۆرىسىمۇ قالدى. خوتۇنلىرىنىڭ ئىچىدە ئالتۇن تارىم قونچۇي ئادرا ياراستى، نازاكەتلىك، ساھىبجامالى بىلەن ئەلگە تونۇلغاندۇر. بەلكىم ئاڭلىغانسىز. بۇ قونچۇي ئوردۇكەنت قاراخانى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى، ھارۇن ھەسەن بۇغراخاننىڭ كىچىك قىزىدۇر. ئۈچ يېشىدا ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان، ھىجرىيەنىڭ 400 - يىلى ئاكام تۇغانخانغا ياتلىق قىلىنغانىدى. يىگىرمە ئۈچ يېشىدا تۇل بولۇپ قالدى. ئونىڭغا ئىچىم ئاغرىپ رەھىم قىلماقچى بولۇۋاتىمەن، ھاجىپ، — مەنسۇرخان ھەييارلارچە كۈلۈمسىرىدى، چېقىر كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.
— ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ئالىيلىرى، ئۇ مەزلۇمىنىڭ بېشىنى سىلىسىلا، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھمۇ خوشال بولىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئاداۋەت يۇيۇلۇپ، مۇناسىۋەتلىرىمۇ ياخشىلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. قايسى تەرىقىدە رەھىم قىلماقچى بولۇۋاتىلا، خاقانىم؟
— ئەمرىمگە ئېلىپ تولۇق ئازابتىن قۇتۇلدۇرايمىكىن دەيمەن، ھاجىپ. سىز ئەلچى بولۇپ قونچۇي ئادرانىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بەرسىڭىز.
— ئالىيلىرى، تەلەپلىرىنى قونچۇيغا يەتكۈزەي، — دېدى بۇغرا قاراخاننىڭ بۇنداق نازۇك خىزمەتكە بۇيرۇيدىغانلىقى خىيالىغا كەلمىگەن رەيھاندىن. ئونىڭغا بۇ خىزمەت ھار كەلگەن
191
بولسىمۇ چاندۇرمىدى. — مانا، سىز ماڭا ھەقىقىي دوست ئىكەنسىز، رەيھاندىنبەگ، رەھمەت سىزگە، ئەتلا ئاغچى ئۇلۇغلۇققا تەيىنلەپ يارلىق چۈشۈرىمەن، — مەنسۇرخان ھاياجانىنى باسالماي ئۇنىڭ يەلكىسىگە قېقىپ قويدى، — ھېچكىمگە بەرمىگەن خىلئەتنى سىزگە تەقدىم قىلىمەن، بۇ قېتىم قوبۇل قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. — رەھمەت ئالىيلىرى، سىلى تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىمەن، ئەمما قونچۇي ئالىيلىرى كۆتكەندەك جاۋاب بەرمەي يېقىننى تەھلىكىگە قويارمىكىن، دېگەن ئەندىشەممۇ بار. — ياق، ياق، ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭ، ھاجىپ. ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ، ئەمەسمۇ. شۇڭا، ئەلچىلىككە سىزنى تاللىدىم. سىز ھەرگىزمۇ تەھلىكىدە قالمايسىز، ئۇ توسۇن ئاتنى كۆندۈرەلەيسىز. شەھۋانىي ھەۋىسى غالىب كەلگەن ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، كۆزىگە ئايالنىڭ يالىڭاچ تېنىدىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ، ئەقىل قۇشى كۆڭۈل قەپىسىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. مەلىكە ئادىراغا مەپتۇن بولغان مەنسۇرخان ئۆزىنى تۇتالماي ئالدىراپ قالغانىدى. بۇنى سەزگەن رەيھاندىن ئۇنىڭ سۆزىگە ئانچە ھەيران بولۇپ كەتمەي ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى: — ماڭا رۇخسەت بەرسىلە، ئالىيلىرى. — ئۈچ كۈن، — ئۈچ بارمىقىنى كۆرسەتتى مەنسۇرخان ئورنىدىن تۇرۇپ. رەيھاندىن ھەرەم قەسرىدىن ئۇزاپ چىققاندا، كۆزنىڭ غۇز — غۇز شامىلى شايى يەكتەكلىك پەشلەرنى يەلپۈندۈردى. ئادار يۈگۈرۈپ كېلىپ غوجايىننىڭ بېشىغا قارا كۈنلۈكنى تۇتۇپ كەينىدىن ماڭدى. ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، ئاسمان يۈزىنى قارا بۇلۇت قاپلاپ كەتكەنىدى. چاقماق چېقىپ، يامغۇر تامچىلىدى. بىر ئاتنى
مىنىپ، ئىككى ئاتنى يېتىلەپ پادىشاھ ئاتخانىسىدىن چىققان بويانقار ئىتتىك كېلىپ سالام بەردى. ئۇ ھەر كۈنى قايتىدىغان چاغدا ئاتلارنى ئۆزى ئېلىپ چىقىپ، قېيىنئاتىسى بىلەن بىللە قايتاتتى.
رەيھاندىن ئۆي ئالدىغا كېلىپ، ئۆستەڭ بويىدا قىزىلورمۇش ئويناۋاتقان ئوغلىنى كۆردى.
— بەگىيۈسۈپ! — توۋلىدى ئۇ ئاتتىن چۈشۈۋېتىپ. ئىسمىنى ئاڭلىغان گۆدەك ئويان-بويانغا قاراپ، ئاتىسىنى كۆرۈپلا يۈگۈردى. ئۇنىڭ بوينىغا چۈشكەن قارا سېپىللىك ئىككى يانغا تاشلاندى.
— ئابا، ئابا!
رەيھاندىن تىزگىننى ئادارغا بېرىپ، ئۆزىنى ئاتقان ئوغلىنى كۆتۈرۈۋالدى. ئۇنىڭ قارا سېپىللىكى لاي بولۇپ كەتكەنىدى.
— ھەممە يېرىڭ قۇم-لاي بولۇپ كېتىپتىغۇ بالام.
سەككىزىنچى باب: ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇش
1
يۈسۈپ تۈن بويى قىزىپ چىقتى. يابىرا پەقەت ئۇخلىمىدى. رەيھاندىن يېرىم كېچىدە ئۆزى بېرىپ، بالاساغۇندا نامى چىققان تېۋىپ — قۇتابىدىن ھېكىمنى چاقىرىپ كەلدى. ئۇ بالىنىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ، كۆز قارىچۇقلىرىغا قاراپ:
— شامالداپ قاپتۇ، ئەنسىرەپ كەتكۈدەك، يەنە چىش چىققىلى تۇرۇپتۇ، — دەپ دورا بېرىپ كەتتى. تاڭ يورۇغاندا بالىنىڭ قىزىتمىسى پەسەيلەپ ئۇخلاپ قالدى.
رەيھاندىن ئاتىسى بىلەن ناماز بامداتنى ئوقۇپ مەسچىتتىن كىرگەندە، يابىرا ئەتەگلىك چاينى تەييار قىلىپ، ئايۋان ئۆيگە داستىخان سېلىپ قويغانىدى.
چوڭ - كىچىك ھەممىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەن بۇ ئائىلىدە بىرەيلەن يوق بولۇپ قالسا، ئىز - دېرىكىنى قىلىشاتتى. بەگتۆمۈر قاراپ:
— ئالىپ نەھرەم قېنى؟ — دەپ سورىدى.
— ئۇكام ئاغرىپ قالدى، بوۋا. يەنە چىش چىققىپتۇ تېخى، — دېدى ئايتمىش.
— نېمىشقا بىزگە ئېيتمىدىڭىز قىزىم. قىزىپ قالمىغاندۇ؟ چېچەك چىقتىمۇيا؟ — دېدى بەگتۆمۈر يابىراغا. ئۇ نەۋرىسىنى كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن قوپماقچى بولۇۋىدى، زەمىران ئانا پېشىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزۇۋالدى.
— ئاتىسى، سەۋر قىلىسلا. بالىنىڭ كېسىلى ئەنسىرىگۈدەك ئەمەستۇ. چاينى ئىچىۋېلىپ كۆرۈپ چىقسلا. — قىزىتمىسى يېنىپ ئۇخلاپ قالدى. ھېلى ئېلىپ چىقىمەن ئاتا، چايلىرىنى ئىچىۋەرسىلە، — دېدى يابىرا قېيىنئاتاسى، قېيىنئانىسىغا چىنىدىكى سۈتلۈك چاينى سۇنۇپ. رەيھاندىن خىيالغا غەرق بولغاندەك كۆرۈنەتتى. شۇ ھالەتچە زوۋان سۈرمەي چىيىنى ئىچىپ بولدى. «ئوغلۇمنى خىيال بېسىۋاپتۇ. ئوتتۇرىدا يەنە بىر ئىش چىققان چىغى…» دەپ ئويلىغان بەگتۆمۈر گەپ قىلاي دەپ تۇرۇۋىدى، يۈسۈپنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ: — بالا يىغلاپ كەتتى، قاراپ ئولتۇرامسىلەر؟! — دەپ كاينى. يابىرا ئۆيگە ئىتتىك كىرىپ بۆشۈكتە يىغلاۋاتقان يۈسۈپكە ئەمچەك سالدى. بۆشۈك يېنىدا چاي ئىچىۋاتقان قىزتۇرمۇش سەل سۆرۈلۈپ ئولتۇرۇپ نېمە ئۈچۈندۇر كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئو ئاتا — ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتى. يابىرا بالىنى بۆشۈكتىن ئېلىپ كىيىندۇرۇپ چىقىشقا، رەيھاندىن قولىغا ئېلىپ يەرگە دەسسىتىپ قويدى. — بوۋاك ئەنسىرەپ قاپتۇ، ئوغلۇم. مەن ساق، ئاغزىمغا چىش چىقىۋاتىدۇ، مەن چوك بولۇۋاتىمەن، مەندىن غەم يېمە دەپ سالام بەرگىن. يۈسۈپ تايتاخلاپ مېڭىپ كېلىپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ: — ئەسسالام، — دېدى. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يۈسۈپ سالام بەرگۈدەك بولۇپ قاپسەنغۇ بالام، — دەپ ئونى كۆتۈرۈۋالدى بەگتۆمۈر. يۈسۈپ سەكرەپ قول ئۇزارتىپ، بوۋىسىنىڭ ساقىلىنى تۇتۇۋالدى. — يۆلۈۋەتمە بەتباش، بۇ ساقالنىڭ ھەربىر تېلىدا بىردىن پەرىشتە بار.
— ئەمدى ئوردىغا باراي، — دەپ ئاتا — ئانىسىدىن ئىجازەت ئېلىپ، ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ ماڭغان رەيھاننى يابىرا ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقتى.
ئۇپۇقتىن ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش دەل — دەرەخلەرنىڭ سارغىيىشقا باشلىغان يوپۇرماقلىرىدا چاقنايتتى. رەيھاندىن كەينىگە سەل قايرىلىپ ئۆزىدىن بىر قەدەم ئارقىدا كېلىۋاتقان بويانقاردىن:
— ئاشان بۇقا تىنچلىقمۇ بالام؟ بىرنەچچە كۈن بولدى كۆرمىدىمغۇ؟ — دېدى.
— تىنچلىق، باغقا مۆھلۈك كۆچەت تىكىش بىلەن ئاۋارە، بىردەممۇ بىكار تۇرمايدۇ.
— ئايسىلىڭ بۇدرام ئانىنى خاپا قىلىپ قويمىغاندۇ، بالام. ئۇ قىزىم ئۆزى بىلەرمەن، بەتباشراق بولىدىغان.
— ياق، ئاتا، ئانام بەك رازى.
ئۇ ئوردىغا كىرىشكە ئۆدمىش كېلىپ سالام بەردى ۋە ئاتىسىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. رەيھاندىن بۇ كۈيۈمچانلىقنى ئەھۋال سوراپ، ئاتا — ئانىسىغا سالام ئېيتىپ ھاجىبۇل ھۇجراپ① ئىشخانىسىغا كىرىشكە، ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد بارسغانى سۆيۈنگەن ھالدا كۆرسىتىپ:
— بۇغرا قاراخان جانابلىرى ھازىر مانا بۇ يارلىقنى چۈشۈردى، سىزگە ئوقۇپ بېرىي، — دەپ، باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، ئاندىن يارلىققا كۆز تىكتى. يارلىقتا، رەيھاندىننىڭ ئاغچى ئۇلۇغى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى، ئارغۇن جالالىدىندىن خىزمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، خەزىنىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى، كىرىم — چىقىم ھېساباتىنىمۇ كۆرۈپ چىقىپ، خىيانەتچىلىك — ئىسراپچىلىقنىڭ سادىر بولغان — بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش بۇيرۇلغانىدى.
① ھاجىبۇل ھۇجراپ — ھاجىپلار باشلىقى (ئۇلۇغ ھاجىپ).
— مۇبارەك بولسۇن، رەيھاندىنبەگ، — دېدى ئۇلۇغ ھاجىپ يارلىقنى ئوقۇپ بولۇپ، — ئەمدى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى سىزگە چۈشىدىغان بولدى، ئاللا سىزگە مەدەتكار بولسۇن.
رەيھاندىن بۇ يەردىن چىقىپ ئاغچى ئۇلۇغىنىڭ خانىسىغا كىرگەندە، گۆشىپ ئولتۇرغان ئارغۇن جالالىدىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆزىنى ئوڭلاپ خوشامەت قىلىپ بېشىنى ئەگدى، يانغا ئۆتۈپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
— يارلىقنى كۆرگەنسىز تەقسىر. مەن بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاپ، ھېساباتنى تەكشۈرىمەن. ماڭا بارلىق ھېسابات دەپتەرلىرى ۋە ھۆججەتلەر كېرەك.
— ئۇنى تېخ قىلىپ بېرىمەن جانابلىرى، كۆڭۈللىرىنىڭ يۇمشاقلىقى، كىشىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان شەپقەتلىك زات ئىكەنلىكلىرى ماڭا ئايان، — دېدى رەڭگى سارغايغان ئارغۇن جالالىدىن، — پېقىردىن ھېچقانداق سەۋەنلىك ئۆتۈلمىدى. سەۋەنلىك بار دېيىلسە، ئۇ سەۋەنلىك، ھېسابات ئىشلىرىنى بىۋاسىتە تۇتىدىغان ئاغچىلاردىن ئۆتكەن بولىدۇ. ئۇلارنى ئىقرار قىلدۇرۇش زۆرۈر. بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغايلا.
— قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن، — رەيھاندىن باشقا گەپ قىلمايلا، يەنە بىر خانىدىكى ئاغچىلارنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىپ كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ قۇتلۇق تىلەكلىرىدىن مىننەتدار بولدى.
ئاغچى ئۇلۇغىنىڭ قول ئاستىدا يىگىرمە تۆت ئاغچى بولۇپ، ھەربىرى بىر تارماق ئىشقا مەسئۇل ئىدى. ھەرقايسى يۇرت-ۋىلايەتلەر باج-سېلىق ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئالتۇن-كۈمۈش، جاۋاھىراتلارنى تىزىملاپ خەزىنىگە تاپشۇرۇش؛ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، مۇسا بايتەش بۇغرا قاراخانلارنىڭ نامى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن-كۈمۈش پۇللارنى ساناپ ساندۇقلارغا سېلىش؛ تاي-تاي رەختلەرنى، يۇڭ-يۇڭگىلەرنى تىزىملاپ
ئامبارلاشتۇرۇش؛ يىلقا، قوي، كالىلارنى يايلاققا ماڭدۇرۇش؛ ھەر خىل زىراەتلەردىن ئېلىنغان سېلىقنى خانلىق ئامبارغا ئەۋەتىش؛ جايلاردىن كەلگەن ھەدىيە - تارتۇقلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ سەرەمجانلاشتۇرۇش؛ باشقا ئەللەردىن كەلگەن سوۋغا - تارتۇقلارنى تىزىملاپ خەزىنىگە تاپشۇرۇش؛ باشقا ئەللەردىن يوللىنىدىغان سوۋغا - تارتۇقلارنى تەييارلاش؛ باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئەربابلارغا بېرىلىدىغان خىلئەت، كىيدۈرۈلىدىغان تون، مىندۈرۈلىدىغان ئات - ئىنئاملارنى تەخ قىلىپ بېرىش… ئولار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىدى. يىگىرمە تۆت ئاغىچىنىڭ ھەربىرى ھېسابات ئىشلىرىغا ماھىر بىرنەچچە خىزمەتچىنى ئىشقا سالاتتى.
رەيھاندىن چۈشكىچە ئاغىچىلار بىلەن سۆزلىشىپ، كۆڭلىگە پۈككەن يەتتە كىشىنى ھېساباتنى تەكشۈرۈشكە سالماقچى بولدى. باشقىلار ئۆيىگە قايتىشقا باشلىغاندا، ئولارنى ئېلىپ قېلىپ مۇددىئاسىنى ئېيتتى، ئىشنى بۈگۈندىن باشلىماقچى بولۇشتى.
رەيھاندىن ئوردا ھويلىسىغا چىققاندا، باشتىن - ئاياغ قارا پۈركەنجىگە ئورالغان بىر ئايال كېلىپ سالام قىلدى.
— ئەسسالام، ھاجىپ جاناپلىرى، ئۆزلىرىنى ئالتۇن تارىم قونچۇي ئالىيلىرى، چاقىرىپ كېلىك، دەپ ئەۋەتتى. مەن ئونىڭ باش كېنىزىمى ئەگىنكىش بولىمەن.
— قايسى ئالتۇن تارىم؟
— ئالتۇن تارىم قونچۇي ئادىرا تۈركەن خاتۇن.
— ماقۇل، خىزمىتىگە تەييارمەن.
رەيھاندىن ئاتلارنى ئېلىپ كەلگەن بويانقار بىلەن ئادارغا كېتىۋېرىشنى ئېيتىپ، ئەگىنكىشنىڭ كەينىدىن ھەرەم قورۇسىدىكى مەلىكە ئادىرانىڭ قەسرىگە كىردى. قۇرۇپ توزۇشقا باشلىغان رەيھانلارنىڭ خۇش پۇرىقى ئازادە قەسر ھويلىسىنى بىر ئالغانىدى.
— جاناپلىرى، مەن قونچۇيغا كەلگەنلىرىنى ئېيتاي.
ئۇزاق ئۆتمەي قارا يىپەك رەختتىن تىكىلگەن كۆينەك كىيىپ، ئاق ھېلىھەم رۇمال سالغان قامەتلىك ئايال چىقتى. رەيھاندىن ئۇنىڭ ئالتۇن تارىم ئادرا ئىكەنلىكىنى پەملەپ، قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بەردى ۋە يەرگە كۆز تىكىپ دېدى:
— ئالىيلىرى چاقىرتىپتىكەنلا، خىزمەتلىرىگە تەييارمەن.
— ھاجىپ جاناپلىرى، ئۆيگە مەرھەمەت قىلغايلا، — مەلىكە كەينىگە بۇرۇلۇپ، قىيا ئوچۇق ئىشىكتىن كېلىم سېلىنغان دەھلىزگە، ئاندىن ھاۋا رەڭ پەردىسنى ئىككى كېنىزەك قايرىپ تۇرغان ئالتۇن ھالقىلىق ئىشىكتىن خانىغا كىردى — دە، تۆردە قويۇلغان كۆمۈش پايىلىك تەختتە ئولتۇردى. تەخت قۇببىسىگە ئېسىلغان پەردىنى چۈشۈرۈپ ئونلۇك:
— مەرھەمەت قىلسىلا، — دەپ تەكلىپ قىلدى.
رەيھاندىن ئۆتۈقاشتىك كېلىمدىن كۆزىنى ئالماي قول باغلاپ تۇردى.
— ئولتۇرسىلا ھاجىپ، — يېشىل پەردە كەينىدىن مەلىكىنىڭ ھەسرەتلىك ئاۋازى ئاڭلاندى.
رەيھاندىن كىمخاب كۆرپىدە يۆكۈنۈپ تەخت تەرەپكە كۆز سالدى. مەلىكىنى يوشۇرغان پەردە مەيىن يەلپۈنۈپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئاسقۇدا ئالتۇن ساپلىق ئەگرى قىلىچ ئېسىقلىق ئىدى. سول تەرەپكە ئوقيا، خەنجەر ئېسىلغان بولۇپ، تامغا چىقىرىلغان گۈلدار ئويۇقلارغا كىتاب تىزىلغانىدى. بىر ئويۇققا ئايالچە دۇبۇلغا — ساۋۇت، يەنە بىر ئويۇققا ئالتۇن تاج، ئالتۇن كەمەر قويۇلغان بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە تاشلىناتتى. «بۇ ئۆيدە جەڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. قونچۇي ماھىر چەۋەندازدەك قىلىدۇ، نېمىشقا تاج كىيمىدىكىنە؟»
— ھاجىپ جاناپلىرى، چاقىرتىشىمنى سىلى ئويلاپ باقمىغان بولغاچقا ئەجەبلىنىۋاتسىلا كېرەك، — دەپ سۆزگە كىرىشتى مەلىكە ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ، — بۇغرا قاراخان ئەھمەد
تۇغقانخاننىڭ ۋاپات بولغىنىغا بىر يېرىم يىل بولۇپ قالدى. مەرھۇمنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان قېيىنئىنىم مەنسۇرخاننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سىلى ئوبدان بىلىدۇلا، — مەلىكە سەل توختاپ، ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشقا ئۆتتى، — بۇ ئادەم ئېلىنىڭ غېمىنى يېمەي كەيپ-ساپا، ئەيش-ئىشرەت بىلەن بولۇپ كەتتى. كۈندە كەچتە زىياپەت، بەزمە ئۆتكۈزۈپ، شاراب ئىچىپ ئىمانىنى بولغىدى. ئاغچى ئۇلۇغلۇق مەنسىپىدىن سىلىنىمۇ ئېلىپ تاشلاپ، بىر شارابخورنى ئورۇنلىرىغا دەسسەتتى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت خەزىنىسى بۇزۇپ-چېچىپ خالىغانچە ئىشلىتىشكە يول ئاچتى. بۇنىڭ ئۈستىگە قىزىنى غەزنەۋىيلەر شاھىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلغاندىن كېيىن، ھە دەپلا سوغۇق سالام ئەۋەتىپ، خەزىنە تاپشۇرۇشقا يۈزلەندى. ئۇ ھازىر يۇغرۇش بېشى بولۇنبەگ، قاپۇقچى بېشى دوقاقبەگلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئاكام يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھقا قارشى يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھەممىدىن ماڭا ئەلەم قىلغىنى، مېنى ئالماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچقىنى، — مەلىكە ئۆكسۈدى، ئاندىن كۆز يېشىنى سۈرتۈپ يىغلامسىراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — يېرىم ۋاپات بولۇپ قېرىقى توشمايلا مەنسۇرخان قەسرىمگە كىرىپ: «قونچۇي، نېمىشقا بۇنچە مالال بولىدۇلا؟ ئېچىلىپ-يېيىلىپ يۈرسىلە، سىلىنى قايغۇلۇق ھالدا كۆرۈشنى خالىمايمەن» دەپ ئۆزىنىڭ مەيلى بارلىقىنى سەزدۈردى. زۇۋان سۈرمەي ئۇزىتىپ قويدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن پات-پات كىرىپ سوغۇق تەقدىم قىلىدىغان، ھال سورايدىغان بولۇپ قالدى. قۇيرۇق شىپپاشتۇرغان ئىتقا تايانچ تەكلىپ غالجىر قىلىپ قويماي دەپ، يەنىلا ئۈن چىقماي ئولتۇرۇۋەردىم. مەنسۇرخان مېنى ئېغىز ئاچالماي، دەسلەپ بولۇنبەگنى، كېيىن دوقاقبەگنى، ئاخىرىدا ئۇلۇغ ھاجىپنى قويدى. بۇ ياغلىمىچىلار ياتلىق بولۇشقا مېنى ئۈندەش ئۈچۈن، ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ، قىلمىغان گەپ
سۆزلىرى قالمايدى. «خاقانىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت. مەن ئۆمۈر بويى ئېرىم تۇغانخاننىڭ تەرىپىدە ئۆلتۈرمىماقچىمەن» دەپ جاۋاب بېرىۋىدىم، بىر مەزگىل جىمىپ قالدى. يېقىندىن بېرى مەنسۇرخان ئۆزى نەچچە قېتىم كىرىپ، نومۇس، نومۇسنىمۇ قايرىپ قويۇپ: «مەن سىزگە ئاشىق. بۇغرا قاراخانلىق تەختىدىن كېچىمەنكى، سىزدىن كېچەلمەيمەن» دەپ ئايىغىمغا يىقىلدى. مەن ناھايىتى سىپايىلىق بىلەن: «ھازىر سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، ئەقىل - ھوشۇممۇ جايىدا ئەمەس، ئالىيلىرىنى كۈتۈشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، سەۋر قىلىپ تۇرسىلا، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزۈم ئالدىلىرىغا چىقىمەن» دەپ ئالداپ يولغا سالدىم، ھاجىپ، ئۆنىڭدىن شۇنداق نەپرەتلىنىمەنكى، كۆرەر كۆزۈم قالمىدى. ئۆنىڭ يەنە ئالدىمغا كىرىشىدىن بۇرۇن، ئۆنى توسۇش ئۈچۈن چارە ئىزدەپ ئۆزلىرىنى چاقىرغانىدىم. خالىس، سەمىمىي، ئەلگە جان كۆيەر ئەرباب ئىكەنلىكلىرى ماڭا ئۇزاقتىن بۇيان مەلۇم بولغاچقا، ئۆزلىرىنى مەسلىھەت بېرىشكە مۇناسىپ كۆرۈپ دەردىمنى تۆكۈۋاتىمەن. بۇ ئازابلىق ھالەتتىن يېقىننى قۇتۇلدۇرۇۋالغان بولسىلا، — مەلىكە يىغا بىلەن سۆزىنى تۈگەتتى.
رەيھاندىن ئۆنىڭگە تەسەللى بېرىپ دېدى:
— قونچۇي ئالىيلىرى، مەنسۇرخان ناھايىتى دىتسىز ھەم ئاچ كۆز، توخۇ يۈرەك خاقان، ئۆنىڭ ھەممە ئىشلىرى ماڭا مەلۇم.
— مەنسۇرخاننىڭ ماڭا ئۆيلەنمەكچى بولغانلىقىنىمۇ بىلەمدىلا؟ — ئەجەبلىنىپ سورىدى ئادىرا.
— بىلىمەن، قونچۇي. مېنى تۈنۈگۈن مەنسۇرخان بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈردى. ئۇ ئالىيلىرىغا كۆڭلى بارلىقىنى ئېيتىپ، مېنى ئەلچى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ بېرىشكە بۇيرۇغانىدى. مەن يانلىرىغا كەلگۈچە، سىلى چاقىرتتىلا، — رەيھاندىننىڭ سۆزلىرى مەلىكىنى ھەيران قالدۇردى.
— ۋاي خۇدايىمەي، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشۇمنى ماقۇل كۆرىدىكەنلا دە. — يوقسۇ، مەلىكە، سىلى ئالىيجاناب تۈركەن خوتۇن. ئۆزىنى بىلمىگەن پاراسەتسىز خاقانغا سىلى ھەرگىز مۇناسىپ ئەمەس. مېنىڭ رازىلىق بىلدۈرۈشۈم، ئۇنى رايىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن. — قانداق قىلىپ، ھاجىپ جانابلىرى؟ — بۇ ھەقتە ئەمدى مەسلىھەتلەشسەك بولىدۇ. چاقىرتىلمىغان بولسىمۇ، ئالىيلىرىغا كەلگەن بولاتتىم، ئالىيلىرى. — مۇنداق دېسىلە، مەن قانداق قىلسام بولار؟ — قونچۇي ئالىيلىرى، مەنسۇرخان گۈزەل ئايالنى كۆرسە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ھاياسىز ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغاندىن بېرى مىجەزىنى ئوبدان بىلىۋالدىم. ئۇ بۇغرا قاراخان بولۇۋېلىپلا تېرىسىگە پاتماي قالدى، خوتۇنى بىلىمەي كۆرەڭلەپ كەتتى. غەزنەۋىيلەر پادشاھىغا قۇللۇق قىلىشمۇ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھقا قىلىچ كۆتۈرمەكچى بولۇشمۇ، ئالىيلىرىغا كۆز تىكىشمۇ، ئۇنىڭ كالتە پەمىلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ. ئالىيلىرى ئۇنىڭغا ئوبدان جاۋاب بېرىپ كەتتىلا. مېنىڭچە، بۇ بەتخۇي خاقاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. جاۋاب بېرىشنى ئارقىغا سۈرۈش ئەڭ ياخشى چارە. مېنىڭچە، ئۇنىڭ قورقۇنچاق مىجەزىدىن پايدىلىنىش كېرەك. ئاكىلىرى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ئۈستۈن كۆرسىتىپ، ئۇنى ئەندىشىگە سېلىپ قويساق، ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىشتىن ساقلانغىلى بولار. رەيھاندىن مەنسۇرخاننى قەشقەرگە لەشكەر تارتىپ بېرىشتىن قانداق يالتايتىشقانلىقى، ئۆزىنىڭ يەنە ئاغچى ئۆلۈغلۇققا تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ، مەلىكىگە ئۈمىد بېغىشلىدى. — جانابلىرىنى ھازىرغىچە ھاجىپ دەپ بىلىپ
كەلگەندىم، — دېدى مەلىكە ئادىرا كۆڭلى تىنغان ھالدا، — ئاللا ياخشى بەندىسىگە ھەرقاچان مەدەتكار ئىكەن. ئەمدى ئاچ كۆز ئەرەبلار دۆلەت خەزىنىسىنى خالىغانچە بۇزۇپ — چاچالمايدىغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ قانداق نەيرەڭلەرنى چىقىراركەن؟
— بۇنى خۇدا بىلىدۇ، قونچۇي ئالىيلىرى. ئۇلار قانداق ھىيلە — نەيرەڭلەرنى ئىشقا سالسۇن، ناھەق ئۈستىدىن ھەق غەلىبە قىلماي قالمايدۇ. مەن تېخى تۈنۈگۈن ھاجىپ ئىدىم، بۈگۈن ئەتەيگەن ئوردىغا كېلىپ، بۇغرا قاراخان چۈشۈرگەن يارلىقتىن يەنە ئاغىچى ئۇلۇغى بولغىنىمنى بىلدىم. ياخشى تىلەكلىرىگە تەشەككۈر، ئالتۇن تارىم قونچۇي ئالىيلىرى. مەن خىزمەتلىرىگە ھەرقاچان تەييار، — رەيھاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى.
— بىرئاز تەخىر قىلسىلا، ئاغىچى ئۇلۇغى جاناپلىرى. مەنسۇرخانغا نېمە دەيدىغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، تاماقتىن يەپ كەتسىلە.
رەيھاندىن كۈلۈمسىرەپ دېدى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، ئەسلىدە ئادىرا قونچۇينىڭ ئۆزلىرىگە مەيلى بار ئىكەن، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ماقۇل دەپ جاۋاب بېرىشكە پېتىنالماپتۇ. ساقىيىپ قالسىلا، ئۆزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا قوشۇلدى، — دەيمەن.
— رەھمەت جاناپلىرى، ئۆزلىرىدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم. ئەمدى مېھمانخانىغا مەرھەمەت قىلسىلا، — دېدى مەلىكە ئادىرا ئۇنى قەسىرنىڭ مېھمانخانىسىغا باشلاپ.
رەيھاندىننىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئالتۇن تارىم ئادىرا مەنسۇرخانغا جاۋاب بېرىشنى ئارقىغا سۈرۈپ ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزدى. تۆتىنچى يىلغا كەلگەندە ئۈچ كېنىزەك بىلەن ئىز — دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى. قەيەرگە كەتكەنلىكىنى رەيھاندىنمۇ بىلمەي قالدى. غەزەپلەنگەن مەنسۇرخان شۇ كۈنى كېچە ۋە
كۈندۈزى قارائۇللۇق قىلغان تۆت ياساۋۇلنى ئۆزى چېپىپ تاشلىدى. رەيھاندىن تۇتۇۋالمىغان بولسا، ھەرەمبېگى كۆك ئايىق بەگتۇتۇقنىمۇ چېپىۋەتكەندەك قىلاتتى.
2
رەيھاندىن قارا سېكىللىك ئۆسۈپ گەدىنگە چۈشكەن يۈسۈپنى بەش يېرىم يېشىدا، قارىخانىغا ئۆزى ئېلىپ باردى.
بەگبۇقا مەھەللىسىدىكى بۇ قارىخانا مەسچىت ئىچىدە بولۇپ، ئۆيگە يېقىن ئىدى. مەسچىت ئىمامى ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغوپۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلئۇلەمايى دەرس بېرەتتى. سەمەرقەنت شەھرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، بالا ئوقۇتۇشقا ئىشتىياق باغلىغان بۇ ئالىم بالاساغۇنغا قايتىپ كېلىپلا ئۆز قورۇسىدا قارىخانا ئاچقانىدى. «قۇرئان» خېتىنى تونۇتۇشتىن ئىلگىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتەتتى.
ئۇ پەزىلىتى، پاساھىتى، نۇتقىنىڭ راۋانلىقى، قىرائىتىنىڭ لەرزانلىقى بىلەن جامائەت ئىچىدە تېزلا تونۇلۇپ، شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، بەگبۇقا مەھەللىسىنىڭ ئازنا مەسچىتىگە ئىمام، خاتىپ بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قارىخانىنى ئۆز قورۇسىدىن مەسچىتكە يۆتكىگەنىدى.
ھۇجرىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم يېشىل كاھىشتىن قوپۇرۇلغان گۈمبەز پېشتىاقلىق چوڭ دەرۋازىدىن مەسچىت سەيناسىغا بىر خوشرۇي گۆدەكنى يېتىلەپ كىرگەن رەيھاندىننى كۆرۈپ، ئالمان - تالمان بەقەسەم تونىنى كىيدى - دە، ئىتتىك چىقىپ ئۇلارغا يېقىنلاپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاغىچى ئۇلۇغى جاناپلىرى، مۇبارەك قەدەملىرى بىزگە قۇت ئېلىپ كەلگەي.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەخدۇم. ئۆزلىرى ئەھيا قىلغان بىلىك بېغىنىڭ مېۋىسىدىن ئوغلۇمنى ئوزۇقلاندۇرغىلى كەلدىم، — رەيھاندىن بۇ دانىشمەن ئۇستاز بىلەن كۆرۈشۈپ، قول باغلاپ تۇرغان يۈسۈپكە قارىدى، — ئوغلۇم، ئۇستازىڭغا سالام بەرگىن.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كىشى قارا، كۆڭلۈگە ئەقىل كىرمىگەن نەرەسىدە گۆدەكنى بوشغۇت① قىلىشنى ماقۇل كۆرەلەمسىز؟ — دېدى يۈسۈپ ئېگىلىپ.
«نېمىدىگەن پاساھەتلىك، تەۋەرزۇلۇق بالا بۇ. ئوبدان تەربىيەلىنىپتۇ، قىلغان سۆزلىرى نېمىدىگەن ئورۇنلۇق — ھە!» دېدى مەخدۇم ئىچىدە زوقى كېلىپ.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئالىپ گۆدەك. سەن ماڭا بۈگۈندىن باشلاپ بوشغۇت بولدۇڭ. نېمىنى ئۆگىنىشنى خالايسەن؟ — مەخدۇم بالىنى سىناپ كۆرمەكچى بولدى.
— ئات مىنىشنى ئۆگەندىم، ئەمدى بىلىك ئۆگىنىشنى خالايىمەن، — كۈلۈپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ.
— نېمە ئۈچۈن بىلىك ئۆگىنىشنى خالاپ قالدىڭ؟
يۈسۈپ بىردەم ئويلىنىۋېلىپ دېدى:
— ئاللانىڭ دەرگاھىدا گۇناھكار بولماسلىق، بەندە ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن.
— بارىكاللا، بارىكاللا، بالام. پېقىر بىر زېھرەك بوشغۇتقا ئېرىشكەن ئوخشايمەن، — ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ئېگىلىپ، يۈسۈپنىڭ بادام دوپپىسىنى كەينىگە سەل سۈرۈپ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى، — ئوچۇق چېھرىڭدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، سەن بىلىم تەھسىل قىلىپ كامال تاپالايسەن، — ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان رەيھاندىنغا قارىدى، — جاناپلىرى، ھۇجرىغا مەرھەمەت قىلغايلا، ئۆزلىرىنى تۇرغۇزۇپ قويدۇم.
① بوشغۇت — شاگىرت دېگەن مەنىدە.
— يوقسۇ، مەخدۇم، قايتمىسام بولمايدۇ. ماقۇل بولسىلا دەرسخانىنى بىر كۆرسەم، — دېدى رەيھاندىن مەسچىتنىڭ دەل دەرەخلىك، گۈل گىياھلار قاپلاپ كەتكەن سەيناسىغا، گەجخاك قىلىنىپ خىلمۇخىل نەقىش چىقىرىلغان خانىقا، كايۋان①نىڭ تام تورۇس، توغرۇكلىرىگە كۆز سالغان ھالدا.
— ماقۇل بولمامدىغان جاناپلىرى، ئۆزلىرىنىڭ نەزەرلىرى دەرسخانىمىزنى جانلاندۇرۇۋەتسە ئەجەب ئەمەس.
ئۇلارنى گۈلزارلىق ئىچىدىكى يالغۇز ئاياغ يول بىلەن باشلاپ ماڭغان مەخدۇم مەسچىتنىڭ ئوڭ تەرىپىگە سېلىنغان پەنجىرىلىك ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئاچتى.
— مەرھەمەت قىلسىلا، ھە، قېنى كىرىڭ، بالام.
رەيھاندىن ئوغلى بىلەن ئۆتۈك، سوپۇرگە قويۇلغان دەھلىزگە، ئاندىن ئوڭ ياندىكى دەرسخانىغا كىردى.
— كەڭرى ئىكەن. بۇ دەرسخانىدا قانچە بالا ئوقۇيدۇ، مەخدۇم؟
— ئىككى دەرسخانىدا يۈزدىن ئارتۇق ئۆسمۈر ئوقۇيدۇ، جاناپلىرى. سول ياندىكى دەرسخانىدا بەزى كۆنلىرى بالىلار قايتقاندىن كېيىن، ئاڭلاشنى خالاپ كەلگەنلەرگە قۇرئان ۋە ھەدىسنى تەپسىر قىلىپ بېرىمەن، بەزىدە تەبلىغ②مۇ قىلىمەن، جاناپلىرى.
— بۇنى بىلگەن بولسام، كېلىپ ئاڭلاپ قاراڭغۇ دىلىمنى نۇرلاندۇرۇدىكەنمەن، مەخدۇم. ئاقىپىنىپ قالغىنىم ياخشى بولدى، پېقىر بىلىككە بەك تەشنا.
— رەھمەت جاناپلىرى، پېقىرنىڭ بىلىگىندىن بىلىمگەنلىرى كۆپ، كېلىپ ياردەمدە بولۇشلىرىغا موھتاج مەن.
— ئونداق بولامدىغان مەخدۇم. پېقىر بىر تىجارەتچى، ئىلىم ئەھلى ئەمەس. شۇڭا، بۇ ئوغلىمنى كىچىكىدىن كامال تاپقۇچە
① كايۋان — خانىقانىڭ ئالدى، ئىككى يېنىغا چىقىرىلغان پېشايۋان. ② تەبلىغ — ۋەز نەسىھەت.
ئوقۇتاي دەيمەن، — رەيھاندىن سۆزىنى توختىتىپ، قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ دىققەتتە تۇرغان يۈسۈپنى ئۆزىگە تارتىپ بېشىنى سىلىدى، — ياخشى ئوقۇغىن ئوغلۇم، كىشى قاراملىق ئاچچىقىنى كەلتۈرمە، سۆزگە ئوبدان قۇلاق سال، ئۆگەنگەننى ئېسىڭدە تۇت، خەتنى چىرايلىق يېزىشنى ئۆگەن.
— باش ئۈستىگە، ئابا. ئېيتقانلىرىنى يادىمدا ساقلايمەن، كىشى قاراملىق سۆزىنى ئاڭلاپ ياخشى ئوقۇيمەن، — دېدى يۈسۈپ چاقماقتەك سۆزلەپ.
— بۇ بالا ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن، جانابلىرى، سۆز - ھەرىكەتلىرى تەربىيە كۆرگەن چوڭ ئادەمدەك. ئەگەر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمەي، باشقىلاردىن ئاڭلىغان بولسام، بۇنداق زېھرەك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن بولاتتىم، — قايىللىقىنى بىلدۈردى يۈسۈپنىڭ سۆزلىرىدىن زوقلانغان ئەبۇ يۈسۈپ مەخدۇم.
— بۇ بالامنىڭ تىلى بىر يېرىم ياشقا كىرىپلا چىققان، — دېدى رەيھاندىن يۈسۈپنىڭ سەبىي ۋاقىتتىكى قىلىقلىرى كۆز ئالدىغا كېلىپ، — ئىككى ياشقا كىرە - كىرمەيلا ھەممە گەپنى قىلىپ، ئۆيدىكىلەرنىلا ئەمەس، مەھەللىدىكى چوڭ - كىچىكنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىن، تولا سوئال سوراپ جاۋابىغا قانائەتلەنمىسە، بولدى قىلماي سوراپ تۇرۇۋېلىپ، ئادەمنى چارچىتىۋېتىدىغان، ھەتتا زېرىكتۈرۈۋېتىدىغان بولدى. تاغ - دەريالارنىڭ، يۇلتۇزلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ ناملىرىنىلا ئەمەس، ئوخشاش سۈرە - ئايەتلەرنى، مەندىن، ئانىسىدىن سوراپ، يادقا ئېلىپ بىزنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئامراق قىلىۋەتتى. قولۇمغا كىتاب، قەلەم ئالسام، ئوقۇيمەن، يازىمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ، بەرەملىك قۇتۇلالمايدىغان بولدۇم. تۆت كىرىپلا ئۇيغۇرچە، كېيىن ئەرەبچە ھەرپلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ھازىر ئىككى تىلدىكى ھەرپلەرنى تولۇق يازالايدۇ. ئەمدى قوشۇپ يېزىشنى، جۈملە تۈزۈشنى ئۆزلىرىدىن ئۆگەنسۇن. مەكتەپتە ئوقۇيمەن، دەپ تۇرۇۋالغاچقا بۈگۈن ئېلىپ كەلدىم،
بولمىسا يەنە ئىككى يىلدا ئوقۇش يېشىغا توشاتتى. ئەگەر خاپا قىلمىغۇدەك بولسا، ئاياپ ئولتۇرماي ئەدەبىنى بېرىپ قويسىلا.
— مەن ھەرگىز ئەدەبسىزلىك قىلمايمەن، ئابا، — دېدى يۈسۈپ ئاتىسىغا، ئاندىن ئۇستازىغا ھۆرمەت بىلەن باش ئەگتى. ئۇ مەكتەپكە كەلگىنىدىن ناھايىتى خۇش ئىدى.
ئوغلىدىن سۆيۈنگەن رەيھاندىن دەرسخانىدىن چىققاندا، ئۆسمۈرلەر مەسچىت ئىشىكىدىن ئالدىراپ كىرىشكە باشلىغانىدى. ئۇلار سالام بېرىشىپ يۈسۈپ ئولتۇرغان دەرسخانىغا كىرىپ كېتىشتى.
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ يۈسۈپنىڭ مەكتەپ ھاياتى باشلاندى. ئۇ بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغىنى ئۈچۈن ئالدىنقى قاتارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇزۇلدى.
ئەبو يۈسۈف مەخدۇم بالىلارنى يېشىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ساۋاتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ بەش سىنىپقا بۆلۈپ دەرس ئۆتەتتى. يېڭى كەلگەنلەرگە ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ھەرپلەر، ھەرپلەرنى قوشۇپ سۆز ياساش، سان، سانلارنى قوشۇش ۋە ئېلىش ئۆتۈلسە، بالىلارنىڭ ساۋاتىنىڭ چىقىشى، دەرسلىكلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە قاراپ سىنىپ ئۆرلىتەتتى. سىنىپ ئۆرلىگەنچە يېڭى دەرسلەر، مەسىلەن، ھەپتىيەك، قۇرئاننى يادقا ئېلىش، گرامماتىكا، جۇغراپىيە، سانلارنى كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش، پەلسەپە، تارىخ، ئىلمىي نۇجۇم، ئەدەبىيات قاتارلىق دەرسلەر قوشۇلۇپ باراتتى. دەرس ئۆتۈشكە ئۆزى ئۈلگۈرەلمىسە، يۇقىرى سىنىپتىكى ئۆگىنىشى ياخشى، يېشى چوڭراق بالىلارنى ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ، تۆۋەن سىنىپتىكى بالىلارنى باشقۇرۇشقا، بەزىدە دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇراتتى.
مەسچىت ئىچىدىكى بۇ مەكتەپ «قارىخانە» دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇھىم دەرسلەر ئۆتۈلىدىغان قائىدە تۈزۈملۈك مەدرىسە ئىدى. بەزى بالىلار ساۋاتىنى چىقىرىۋالغۇچە، بەزىلەر «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئېلىپ بولغۇچە، بەزىلەر ئەرەب تىلىنى
ئۆگىنىۋالغۇچە ئوقۇتاتتى. بەزىلەر بولسا كۆپ يىل ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ يەردىن سەمەرقەنت، بۇخارا، قەشقەر، باغداتلارغا ئىلىم تەھسىل قىلغىلى كېتەتتى. ھەربىر بالا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوتۇن، ئۆيدىن تارتىپ تەڭگە - تىللاغا قەدەر نەرسىلەرنى، يەنى تاپقىنىنى ئوقۇتۇش ھەققى ئۈچۈن ئېلىپ كېلەتتى. ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم ئاز - كۆپ دېمەي قوبۇل قىلاتتى ھەممە بالىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى، كۆيۈنەتتى…
ئەنە شۇ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان يۈسۈپ قارا كۆزلىرىنى مىت قىلماي ئۇستازىنىڭ ساۋاق بېرىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.
ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ زوڭ ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ھەرپلەرنى يازغۇزۇپ سىناپ كۆردى، يۈسۈپ ھەرپلەرنى يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجاندەك رەتلىك، چىرايلىق يېزىپ ۋە ئوقۇپ ئۇنى قايىل قىلدى. مەخدۇم يۈسۈپنىڭ تېخى كىچىكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە ئىككى، ئۈچ، تۆت ھەرپتىن تۈزۈلگەن ئالتە سۆزنىڭ، ئەرەبچە ئىككى، ئۈچ، تۆت ھەرپتىن تۈزۈلگەن ئۈچ سۆزنىڭ، ئوقۇش، يېزىلىش قائىدىسىنى سۆزلەپ بەردى، بىردىن ئونغىچە ساننىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە كەچكىچە تەكرار يېزىپ ئوقۇشنى تاپىلاپ بىرىنچى كۈندىكى دەرىسنى تۈگەتتى.
ھالبۇكى، يۈسۈپ بىر سائەت ئۆتمەيلا قومۇش قەلەمنى دەپتەر بىلەن رېھىل ئۈستىگە قويۇپ، بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان مەخدۇمنىڭ يېنىغا كەلدى.
— كىشى قارا، ئۇيغۇرچە ئالتە سۆزنى، ئەرەبچە ئۈچ سۆزنى ئۆزلىرى سۆزلەپ بەرگەن قائىدە بويىچە ئوقۇشنى، يېزىشنى، بىردىن ئونغىچە ساننى يېزىشنى ئۆگىنىپ بولدۇم. يەنە ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا، — دەپ قول قوشۇشتۇرۇپ تۇردى.
— دەپتىرىڭنى ئېلىپ كەلگىن، كۆرۈپ باقاي.
يۈسۈپ دەپتىرىنى ئېلىپ كەلدى. مەخدۇم ئونىچىدەك يېزىلغان
ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە سۆزلەرگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلدى. ئۇ ھەربىر سۆزنى يىگىرمە - ئوتتۇز قېتىمدىن يېزىپ نەچچە بەتنى تولدۇرغانىدى.
— نېمانداق تېز، بۇنداق ئۆگىنىۋەرسەڭ، مېنى ئالدىرىتىپ قويىدىغان ئوخشىمامسەن، كىچىك بوشغۇت. ئۆگىنىپ بولغان بولساڭ تەكرارلا.
— ئانداق قىلسام ۋاقىت زايه بولمامدۇ. ئۆگىنىپ بولغىنىم راست. تەكرارلىغۇم يوق، قاراپ ئولتۇرسام بولماس، يېڭى دەرس بېرىسەن، — دېدى يۈسۈپ مىختەك تۇرۇپ.
— بولىدۇ، بولىدۇ، بوشغۇت، يېڭى دەرس بېرىي.
ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ئۇيغۇرچە ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆزدىن ئوننى، ئەرەبچە سۆزدىن بەشنى، قانداق ئوقۇش، يېزىشنى، ساندىن ئوتتۇزغىچە ساناش، يېزىشنى ئۆگەتتى… شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
ھەر كۈنى ئەتىگەندە بوينىغا بەرقۇتتىن تىكىلگەن جىلىت ئاسقان يۈسۈپ، كۈن ئۆپۈق يۈزىدىن باش كۆتۈرگەندە قارىخانىغا بېرىپ بولاتتى.
3
يۈسۈپ ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى. گەرچە بەش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلەيتتى، ياخشى - يامان سۆز - ھەرىكەتنى پەرقلەندۈرەلەيتتى، بۇ توغرۇلۇق دەرھال مۇلاھىزە قىلىپ پىكىرنى قويالايتتى، ھازىرجاۋاب ئىدى. ئاسان ئاچچىقلانمايتتى، لېكىن ناھەقچىلىككە يولۇققاندا دېمەكچى بولغىنىنى ئوچۇق ئېيتاتتى. ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ باشقىلارنى بىزار قىلماي، تەمكىنلىكى بىلەن ئامراقلىقنى كەلتۈرەتتى. ئۆزىگە گەپ كەلتۈرۈشنى، تىل ئاڭلاشنى زادى خالىمايتتى. گەپ قىلغاندا، باشقىلارنىڭ زىتىغا
تېگىدىغان سۆزنى قىلمايتتى. باشقىلار خاپا بولىدىغان قىلىقلارغا بېرىلمەيتتى، كۆڭۈل ئاياشنى بىلەتتى. شوخ بولسىمۇ بەتباش ئەمەس، ئېغىر - بېسىق ئىدى. بۇ مىجەزى كۆرگەنلا ئادەمگە ياقاتتى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ئونىڭ بۇ مىجەزىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدى. «يۈسۈپنىڭ ئەقلى يېشىدىن ھالقىپ كېتىپتۇ. ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە زامانىسىنىڭ بۈيۈك بىلگىسى بولۇپ چىقىشىدا شۈبھە يوق» دەپ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزى دەرس ئۆتىدىغان بولدى.
بىر يىل شۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتتى. يۈسۈپنىڭ بويى ئۆسۈپ زېھنى ئۆتكۈرلەشتى. ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى ئۆگىنىۋالدى. كىتابلارنى ئوقۇيدىغان بولدى. ئەرەبچە گىرامماتىكىنىڭ ئىنچىكە قائىدىلىرىنى چۈشىنىپ يادلاپ، نۇرغۇن سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ، ئۇستازىنى رازى قىلدى. «قارىخان» ئۇ ھەمىشە تەلپۈنىدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپ قالدى.
قارىخانغا ئونى ئەتەگەندە ئادار ئەكىلىپ قويۇپ، كەچتە ئېلىپ كېتەتتى. چۈشتە ئۇ موللىسىنىڭ يېنىدا قىلىپ، تاماقتىن ئارام ئالاتتى. بۇنى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم رەيھاندىنغا ئېيتىپ، ئونىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كۆپ چاغلاردا بۇ ئۇستاز بىلەن شاگىرت چۈشتە ئۇخلىماي، ئۆگىتىش - ئۆگىنىش بىلەن بولاتتى.
بىر كۈنى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم يۈسۈپنى مەسچىتكە يېقىنلا يەردە بولغان ئۆيىگە ئېلىپ باردى. ئۇلارنى ھاۋاخان قوشناچەم ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزى بىلەن بىللە كۈتۈۋالدى. يۈسۈپ قارا چاچ، قارا كۆز، مىجەزى توغاچتەك چىرايلىق سەبىي قىزنى كۆرۈپلا ئامراق بولۇپ قالدى.
-
ئىسمىڭ نېمە خان؟ - دەپ سورىدى ئۇ.
-
ئاقبىرا، - قىز قىزىقسىنىپ قاراپ، بىردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئاتىسىنىڭ تونىنىڭ پېشىگە ئورىنىۋالدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم چۈشلۈك تاماقنى يۈسۈپ بىلەن
كېلىپ ئۆيىدە يەيدىغان بولدى. يىگىرمە يىل سەمەرقەنتتە ئىلمى تەھسىل قىلغان بۇ ئۇستاز كېچىكىپ ئۆيلەنگەنىدى. تېخى مۇشۇ قىزىدىن باشقا بالا يۈزىنى كۆرمىگەنىدى، قىزىغا زىيادە ئامراق ئىدى. بەزى كۈنلىرى قىزىنى قارىخانىغا ئېلىپ كېلىپ يۈسۈپنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى، باشقا بالىلار باقاي دېسە زادى ئۇنىمايتتى. ئۇ يۈسۈپنىڭ بىردەم قەلىمىنى ئېلىۋېلىپ، بىردەم سىياھلىقنى تارتىپ ئويناپ ئۆگىنىشىگە كاشىلا قىلاتتى. بىر قېتىم سىياھداننى ئۆرۈۋېتىپ يۈسۈپنىڭ كىيىمىنى رەڭ قىلىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن مەخدۇم ئۇنى قارىخانىغا ئېلىپ كەلمەيدىغان بولدى. يۈسۈپمۇ ئوقۇشقا دەخلى قىلىدىغان بۇ قىزنىڭ كەلمەيدىغان بولغانلىقىدىن خوش بولدى. ئەمما، بىرنەچچە كۈن چۈشتە بارمىسا ئاقبىرانى سېغىنىپ قالاتتى.
يۈسۈپ ئالتە يېرىم ياشقا كىرگەندە خەتنە تويى بولدى. رەيھاندىن ئۇنىڭغا تۆمۈر رەڭ ئەنجان بەقەسەمدە تون، يېشىل شاھى سەللە ئورىغان بادام بۆك كىيدۈردى. كۈمۈش كەمەر باغلاپ خەنجەر ئېسىپ قويدى. ئاشانبۇقا تىكىپ بەرگەن پۆپۈچكىلىك بار چورۇقمۇ ئۇنىڭغا ياراشقانىدى، ئۇ قولىنى كەينىگە تۇتۇپ ھويلىغا چىققوندى، ساۋاقداشلىرى، مەھەللىدىكى ئاداشلىرى:
— بەگ يۈسۈپ، بەگ يۈسۈپ! — دەپ توۋلىشىپ ئۇنى ئارىغا ئېلىۋالدى.
توي چۈشكىچە قورۇدا داۋام قىلىپ، چۈشتىن كېيىن چۆ دەرياسى بويىدا داۋام قىلدى. چوڭلار ئوغلاق تارتتى، بالىلار ئات بەيگىسى قىلدى. يۈسۈپمۇ قارا تاينى مىنىپ، جامائەت ئالدىدىن ئۇچقاندەك ئۆتكەندە، كۆپچىلىك زوقلانغان ھالدا غۇلغۇلا قىلىپ كېتىشتى:
— ئەجەب چىچەن ئىكەن، ھەممىدىن كىچىك تۇرۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.
— ئۆزىمۇ، مىنگەن ئېتىمۇ چىرايلىق ئىكەن.
— ئېتى نېمە ئىكەن بۇ ئۆز بالىنىڭ؟ — بەگىيۈسۈپ ئىكەن. — خۇدا بۇ بالىنى بالا — قازادىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. — مۇراد — مەقسىتىگە يەتسۇن. يۈسۈپ بىلەن بىللە بەيگىگە چۈشكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ چوڭى ئون تۆت ياش، كىچىكى توققۇز ياش ئىدى. تېخى يەتتە ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، مىڭىنىڭ ئېتىنىڭ تاي بولۇشىغا قارىماي، يەتتە چاقىرىم يەرگە چېپىپ بېرىپ ھەممىدىن بۇرۇن قايتىپ كەلدى. قىزلار تاشلىغان ياغلىقلار تاينىڭ يالىغا، ئونىڭ گەدىنى، يەلكىلىرىگە چۈشۈپ، ئۈچ ياغلىقنىلا تۇتۇۋالالىدى. يۈسۈپ ناھايىتى روھلىنىپ كەتكەنىدى، قارا كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇراتتى. ئاتتىن چۈشۈشكە يارۇق ئۇنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرۇپ يەرگە دەسسىتىپ قويدى. يۈسۈپ مەركە مەيدانىنىڭ مەركىزىدە قاراپ بەتاقەت بولغان ئۇستازى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇمنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بەردى، ئاندىن بوۋىلىرى بەگتاش ئابدۇللا داموللا بىلەن بەگتۆمۈرگە، مېھرى بىلەن تېلمۇرۇپ تۇرغان ئاتىسىغا، مەركە مەيدانىنى چۆرىدەپ تۇرغان ئاۋامغا يېنىشلاپ سالام بېرىپ، ئاستا كېيىنگە ياندى. ئۆزىگە تەلپۈنۈپ تۇرغان يارۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى. ئونىڭ ئاقۇچ يۈزى ئاناردەك قىزىرىپ، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغانىدى. تۈت يېشىدىن باشلاپ ئات مىنىشنى ئۆگەنگەن، بولۇپمۇ بىر يىلدىن بۇيان ئات چېپىشنى مەشىق قىلدۇرۇپ «بالا چەۋەنداز» قىلىپ يېتىشتۈرگەن يارۇققا مىننەتدارلىقنى يۈرەك — باغرنى يېقىش بىلەن ئۈنسىز بىلدۈردى. قولىدىكى ئۈچ ياغلىقنىڭ بىرىنى ئونىڭ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ قويدى، بىرىنى بويانقارغا بەردى، بىرى ئۆزىگە قالدى. مەركىنىڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئاش تارتىلدى. رەيھاندىن ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇمغا تون كىيدۈرۈپ، ئات مىندۈردى. تىللا
213
ئىنئام قىلدى. بەگلىككە چۈشكەن ئون تۆت ئۆسمۈرنىڭ ھەممىسىگە ئىككىدىن تىللا بېرىپ ئات مىندۈردى. جامائەت خۇشال - خۇرام تارقاشتى.
باغاق يېزىپ ئېيتىتقان بولسىمۇ، بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر تويغىمۇ كېلىشمىدى، مەركىگىمۇ قاتناشمىدى. مەنسۇرخان ئۆزى - ئەسكەرلىرىنى باشلاپ تويغا كەلدى، مەركىگە قاتناشماي ئوغلى ئىقبال تېگىننى خاس نۆكەرلىرى بىلەن ئەۋەتكەنىدى. رەيھاندىن ئۇنىڭغا سەمەرقەندنىڭ ئىككى ياشلىق ئارغىمىقىنى ئالتۇن - كۈمۈش ۋە جاۋاھىرات بىلەن بېزەلگەن ئېگەر - يۈگەنلىرى بىلەن تارتۇق قىلدى. بارلىق مېھمانلارنى ئۇزىتىپ شام ۋاقتىدا ئۆيگە كەلدى. چارچاپ قالغان بەگتۆمۈر بىلەن ئاشانبۇقا پېشايلاندا يانپاشلىدى. مەركىنى كۆرگىلى بارغان زەھىران ئانا، يابىرلارمۇ كېلىشىپ يۈسۈپنى مۇبارەكلەشتى.
-
ئايتولۇن، ئايسىلىغلەرمۇ بارغانىكەن، ئەتە ئەتىگەن كېلىپ، ئۆكسىنى ياتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن كېچىلەپ كەتكۈچى بولدى. قارىغاندا، قېيىنئاتا، قېيىنئانىلىرى بىلەن ئەزەلدىن كېلىشىدىغان ئوخشايدۇ. ئاپاملارمۇ كېلىمىز دېدى، - يابىرا ئۆزىنى قۇچاقلىۋالغان يۈسۈپنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ رەيھاندىننى خەۋەرلەندۈردى.
-
مەركە مەيدانىدىلا ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ قويماپچىدىم، مېھمانلارنى ئۇزىتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنتۇپتىمەن، - دېدى ئۇ قاراڭغۇلۇق باسقان ھويلىغا كۆز سېلىپ تۇرۇپ بىردىن سورىدى، - قىزىمىز ئايتمىش، ئارچۇنلار قېنى، قىزتۇرمىشچۇ، ئۇلار كەلمىدىمۇ؟
يابىرامۇ ئىككى ھويلىغا قاراپ چىقىپ ئەنسىرىگەن ھالدا:
- بايا مەھەللە قىزلىرى بىلەن بەگنى كۆرىمىز دەپ يېنىمىزدىن كېتىپ قېلىشقانىدى. قايتىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئۆز - دەرىكىنى قىلماي كېلىۋېرىپتۇق، - دەپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
خوشال - خۇرام ئولتۇرۇشقان ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ پاتىپاراق بولۇپ كېتىشتى. شام - چىراغلارنى يېقىشنىمۇ ئۇنتۇپ يۈسۈپ بىلەن ئىشىك ئالدىغا چىققان رەيھاندىن ئادار بىلەن يارۇقنى قىزلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى، بۇرۇنلا ئىشىك ئالدىغا چىققان يابىرا:
— ئەجەب بەختسىزلىك قىپتىمەن، ئاتىسى. ئىز - دېرەكنى قىلىپ بىللە ئېلىپ كەلسەك بوپتىكەن، بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم، — دەپ يىغلىغىلى تۇردى.
بىتاقەت بولغان يۈسۈپ:
— ئابا، مەن ئالدىغا بېرىپ باقاي، — دەپ بار كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ كەتتى.
— توختا يۈسۈپ، يالغۇز بارساڭ بولمايدۇ، بىللە بارايلى. رەيھاندىن يابىرا بىلەن ئۆزىنىڭ كەينىدىن ئالدىراپ مېڭىشتى.
يۈسۈپ يۈگۈرۈپ كوچىنىڭ دوقمۇشىغا كېلىشكە، يىغلىشىپ كېلىۋاتقان ئارچۇن، قىزتۇرمىش بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇلار بىر مەھەللىلىك ئاداشلىرى بىلەن بىللە ئىدى.
— ئارچۇن ئاچا! — يۈسۈپ كەلگۈچە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالدى، — ئايتمىش ئاچام قېنى، ئۇ نەدە قالدى؟
ئارچۇن يىغلاپ گەپ قىلالماي قالدى. قىزتۇرمىش دېدى:
— بەيگە مەيدانىدىن يېنىپ، ئاداشلىرىمىز بىلەن دەريا بويىدا ئات چېپىشىپ ئويناپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قاپتۇق. ئۆيگە قايتماقچى بولۇۋاتساق، بىر توپ تۇلۇملۇغ ئەر ① تۇيۇقسىز كېلىپ، بىزنى ئاتلىرىمىزدىن چۈشۈرۈۋېتىپ، ئايتمىش خېنىمنى ئېلىپ قاچتى.
يۈسۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. شو ئارىدا ھاسىراپ - يېتىپ كەلگەن رەيھاندىن بىلەن يابىرا يىغلاۋاتقان ئارچۇن بىلەن
① تۇلۇملۇغ ئەر — قوراللىق ئادەم.
قىزتۇرمىشنى كۆردى. — ۋاي جېنىم قىزلىرىم، نېمە بولدۇڭلار؟ — دەپ سورىدى يابىرا ئۇلارنى باغرىغا تارتىپ. — ئابا، تۇلۇملۇق ئەرلەر ئايتىمىش ئاچامنى ئېلىپچىپتۇ، — دېدى يۈسۈپ يىغلامسىراپ. — نېمە دېدىڭ؟ — يابىرا ئۇياق — بۇياققا سەپشىلىپ ئېسەنگىرىگەن ھالدا سورىدى. ئۇ تېخى ئايتىمىشنى قىزلارنىڭ ئارىسىدا بار دەپ قالغانىدى. — ئاچاملار ئاداشلىرى بىلەن دەريا بويىدىن قايتماقچى بولۇۋاتقاندا، تۇلۇملۇق ئەرلەر ئايتىمىش ئاچامنى ئېلىپچىپتۇ، ئابا، — دېدى يۈسۈپ خورسىنىپ. — ئاھ، تەڭرىم! بۇ نېمە ئىشتۇر؟! — يابىرا ھوشىنى يوقاتقاندەك بولۇپ جايدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. — يۈرۈڭلار بالىلىرىم، ئۆيگە بېرىپ سۆزلىشەيلى، — دېدى يۈرىكى ئېچىشقان رەيھاندىن. ئۇ يابىرانى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئاستا ئېلىپ ماڭدى. ئارچۇنلارنىڭ بەش نەپەر قىز ئاداشلىرى ئىشىك ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئاتا — ئانىلىرى بىلەن ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشتى. ھويلىغا كىرىشكە بەگتۆمۈر، زەمۇران ئانا باشلىق ھەممىلەن ئالدىغا دۈرەپ كېلىشتى. ھويلىغا شام — چىراغلار يېقىۋېتىلگەنىدى. ئائىلىدىكى خاتىرجەملىك بۇزۇلدى. كۆڭۈلدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ، غەم — ئەندىشە ئورۇن ئالدى. مۇشۇ ئەنسىزلىكتە، ئەتىسى يۈسۈپنى ياتقۇزۇشتى. يەرگە كىرىپ كەتكەندەك ئايتىمىشتىن دېرەك بولمايۋاتاتتى. بېتاقەتچىلىكتە كېچىسى رەيھاندىنمۇ، يابىرامۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. قۇل — دېدەك، خىزمەتچىلەرنى ئايتمىشنىڭ دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن مەھەللە — كوچىلارغا، بازار —
رەستىلەرگە، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا - كەنتلەرگە ئەۋەتتى، لېكىن كۈتكەن خەۋەرگە ئېرىشەلمەي يۈرەكلىرى كاۋاپتەك پىژىلداپ ئېچىشماقتا ئىدى.
رەيھاندىن ئائىلىدىكى ھەممىلەنگە ئايتىمنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق داۋراڭ سالماسلىقنى تاپىلىغان، ئۆزىمۇ ھېچكىمگە تىنمىغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقە بالاساغۇن شەھىرىگە يېيىلىپ، كىشىلەر بەك قىزىقىپ سۆزلەيدىغان قورقۇنچلۇق ھېكايىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. رەيھاندىنغا بۇ بەك ئەلەم بولدى.
ئۇ خەۋەر بولۇپ قالارمىكىن، دەپ ئوردىدىكى گەپ - سۆزلەرگە دىققەت قىلدى. كوچا - بازارلارنى ئايلاندى. كىشىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىگە زېھن قويدى. ئايتىمنىڭ تىرىكلىكى ياكى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەرگە ئىگە بولالمىدى.
رەيھاندىن يۈسۈپنىمۇ ئەنسىرەپ ئونىڭغا يارۇقنى ھەمراھ قىلىپ قويۇۋەردى، يۈسۈپ:
— ئابا، مەن كىچىك بالا ئەمەس، چوڭ بولدۇم، قورقمايمەن. «قۇرئان كەرىم»نى يادلاۋاتىمەن، ئەسەب تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋاتىمەن، كىتاب ماڭا ھەمراھ. مەندىن ئەنسىرىمىسە، يارۇقمۇ ئاچامنى ئىزدەسۇن، — دەپ ئاتىسىنى تەسكىن تاپتۇردى.
بالا ئۆلۈپ كەتسە، ئاتا - ئانا بولغۇچى «ئۆمرى شۇنچىلىك ئىكەن، ئەمدى قانداق قىلىمىز، تەڭرىم جايىنى جەننەتتە قىلسۇن، قالغانلىرىمىزنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت بەرسۇن» دەپ بىرنەچچە كۈن يىغلىشىپ تىنچلىنىپ قالىدۇ. ئەمما، بالا يوقىلىپ كەتسە بۇنىڭغا چىدىيالمايدۇ، كېچە - كۈندۈز پەرياد چېكىدۇ، يۈرەك ئوتتا پۇچىلىنىدۇ. «قەيەردىدۇ؟ نېمە قىلىۋاتقاندۇ، ئاچمىدۇ، توقمىدۇ، بىرسى ئازابلاۋاتقاندۇ، زۇلۇم قىلىۋاتقاندۇ، ھاياتمىدۇ؟!» دەپ بىر كۈننى ئۆتكۈزگۈچە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىدۇ، دۇنيادا بۇنىڭدىن ئېغىر ھەسرەت - ئازاب
بولمايدۇ.
يابىرا تولا يىغلاپ، رەيھاندىن غەم يەپ، ئاش - نان گېلىدىن ئۆتمەي ياداپلا كەتتى. يابىرانىڭ ئاتىسى بەگتاش ئابدۇللا داموللا، قۇدىلىرى چاغىربەگ ئادامتۇغرۇل، ئاشانبۇقا، كۆيۈئوغۇللىرى ئۆدمىش، بويانقارلار ئەتەنگەندىمۇ، چۆشتىمۇ كېلىپ ھال سوراپ تۇردى. ئۆلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە بويىچە ئايتىمىشنى ئىزدەشگە كىرىشكەنىدى. بولۇپمۇ، بۇغرا قاراخاننىڭ خاس نۆكىرى بولغان ئۆدمىشنىڭ ئەس - يادى يوقىلىپ كەتكەن قېيىنسىڭلىسىدا بولغاچ، كۆزىنى ئىتتەك، قۇلىقىنى دۆڭ قىلىپ ئوردىنىمۇ، سىرتنىمۇ كۆزەتەكتە ئىدى. ئۇ خاس نۆكەرلەر سەردارى بولغان بوزاغۇنىڭ يېقىندىن بېرى باشقىچە روھلىنىپ قالغىنىدىن، نېمە ئۈچۈندۇر ئۆزىنى مازاق قىلغان تۇستە ھىجىيىشىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدى. ئايتۇلۇننى ئېلىۋالدىڭ، دەپ زادى ئوچۇق چىراي ئاچماي كەلگەن بوزاغۇ ئەمدىلىكتە ئۆدمىشقا گەپ قىلىدىغان، چاقچاقمۇ قىلىپ قويىدىغان بولۇپ قالدى، بۇ ھال ئۆدمىشقا تېخىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. ئۇ بۈگۈن كەتە ھەر كۈندىكىدەك ئاتخانىدىن قېيىنئاتىسىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئېتىنى ئېلىپ چىققىلى ماڭغاندا، بىرىسنىڭ توۋلىغىنىنى ئاڭلىتىپ كەينىگە قارىۋەردى، ئۆزىگە ئوخشاش خاس نۆكەر سانسارنى كۆردى. ئۇ ھۆمۈدەپ كېلىپ:
— ئالىپ، سىزگە بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىدىم، — دېدى.
— نېمە گەپ ئىدى؟
— بوزاغۇنىڭ نامەردلىكى توغرىسىدا، — ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئەتراپىغا بىر قارىۋالدى، — تۈنۈگۈندىن بېرى سىزنى خالى يەردە ئۇچرىتالمىدىم. بايا بوزاغۇ ئۆيىگە كەتتى، دەرھال سىزنى ئىزدەيدىم. كېتىۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ كېلىشىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنى ھېچكىمگە ئېيتىماسلىققا قەسەم ئىچىڭ، ئاندىن دەپ بېرەي.
— شۇنچە مۇھىم خەۋەرمىدى؟ — دېدى ئۆدمىش
سەگەكلىشىپ. — مۇھىم، مۇھىم بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ ھايات — ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، — دېدى سانسار جىددىيلىشىپ، — بولۇپ، قەسەم ئىچىڭ، بولمىسا كەتمەن. ئۆدمىشنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ دەرھال قەسەم ئىچتى: — دېگەنلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتسام، بۇ ئۆدەمنى ئاچلاپ تۇرغان تەڭرىم مېنى جازالىسۇن! — ئاغىچى ئۇلۇغنىڭ قىزىنى دەريا بويىدىن بوزاغو ئېلىپ قاچقان! — بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟ — كۆزلىرى يوغاندەك ئېچىلغان ئۆدمىش ئالدىراپ سورىدى. — ئۇ قىزنى ئېلىپ قېچىشقا بوزاغونىڭ باشلىشى بىلەن مەنمۇ بارغان. — بۇ راستمو؟ — راست! يالغان بولسا مېنى قورغان ئورسۇن! سانسار گېپىنى دەپ بولۇپلا ئېتتەك كەتتى.
توققۇزىنچى باب: مۆشۈك بەزدىن يەنە قۇرۇق قالدى
مۇشۈك بەزدىن يەنە قۇرۇق قالدى
1
بالاساغۇن شەھرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى «يابغۇ» كوچىسى ئاھالىسى كۆپ، ئاساسەن قارلۇقلار ئولتۇراقلاشقان چوڭ مەھەللە ئىدى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز قېرىنداش ئاسمانغا بوي تارتقان سوغۇقتىن تېرەكلەر يولغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. بۇ مەھەللە «بەگبۇقا كوچىسى»دەك پاكىز، ئاۋات ئىدى. ئائىلىلەرنىڭ كوچىغا قارىغان دەرۋازىلىرى چوڭ ھەم ئىككى قاناتلىق بولۇپ، ئات ھارۋىلىرى بىمالال كىرىپ چىقاتتى. بالاساغۇندا ئىش تېرىلسا مۇشۇ كوچىدىن تېرىلاتتى، خۇشاللىقمۇ مۇشۇ كوچىدىن باشلىناتتى. ئۇيغۇر - بېسىق تېمىسەن ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا، مىجەزى ئىتتىكرەك، ئىشنى ئاچ - ئۆچ قىلىۋېتىدىغان قارلۇقلار جېدەل - ماجىرادىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيتتى.
ئالتۇن ئارتۇچ ① تىن كېيىنرەك كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇنبەگنىڭ قورۇسى بۇ كوچىنىڭ ئاخىرىدىراق بولسىمۇ، تۆمۈر ھالقىلىق ئىشىكى باشقىلارنىڭكىدىن چوڭراق، ھەشەمەتلىكرەك ئىدى. ئىشىكتىن ھويلىنىڭ دەر - دەرەخلىك كەڭ سەيناسىغا، ئاندىن ئۆيدىكى، ئىككى ياندىكى ئۆيلەرگە كىرگەن كىشى بولۇنبەگنىڭ ھاللىق، باي ئائىلىدىن ئىكەنلىكىگە شۈبھىلەنمەيتتى. ئۇ باش ۋەزىر بولغاندىن بۇيان ھويلا - ئۆيلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ياساۋاتاتتى. ئۆيدىكى
① ئالتۇن ئارتۇچ — ئاستىن تانۇش.
چوڭ خوتۇنى، ئىككى ياندىكى ئۆيلەردە قالغان ئۈچ خوتۇنى بىلەن تۇراتتى. ئارقىدىكى ئۆيلەرگە قۇللار، دېدەكلەر، ھۈنەرۋەنلەر، ئات باقارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئونىڭ يېنى كاتتا باغ ئىدى. كوچىدىكى ئېرىقتىن تام ئاستىدىكى ئۈچ ئارقىلىق كىرگەن بىر تارام سۇ باغنى كۆكەرتىپ تۇراتتى. باغ ئىچىدىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ياغاچتىن كۆركەم سۇپا ئىشلىنىپ، نەچچە قات كىمخاب كۆرپە سېلىنغان، بىرنەچچە ياستۇقلار قويۇقلۇق ئىدى. كۆكلەمدىن تاكى كۈزگىچە، بولۇنباگ ھەر كۈنى ئوردىدىن قايتقاندىن كېيىن، ئاشۇ خىلۋەتتىكى ياتقۇدا يانپاشلاپ يېتىپ ئارام ئالاتتى. قىز - چوكان چۆرىلەر ئونىڭ قېتىپ قالغان ئۇستىخانلىرىنى سىلاپ تۇتۇپ ھاردۇقىنى چىقىراتتى، لېكىن خوتۇنلىرى نارازى بولۇپ غودۇڭشىشاتتى. قىش كۈنلىرى ساراي ئۆيىگە قويۇلغان چوڭ سەندەلگە پۇتىنى تىقىپ، خوتۇنى تۇتۇۋاتقان چۆرىلەرنىڭ يۇتىنى سىلايتتى. ئونىڭغا خوتۇنى، ئونلىغان چۆرىلەر نازلىق قىلغاندەك، ئۇ قۇل - دېدەكلەرگىمۇ چىقىلىپ قوياتتى. لېكىن، ئۇ سىرتقا چىققاندا، ئۆزىنى ھايالىق، ئەخلاقلىق كۆرسىتىپ، يولدا ئايال زاتى ئۇچراپ قالسا قولى بىلەن كۆزلىرىنى توسۇۋالاتتى. دۆلەت ئەربابلىرى ئىچىدە پەزىلەتلىك دەپ ئاتالغانىدى.
بۈگۈن كەچقۇرۇن ئۆيىگە خاپا قايتىپ كەلدى. چۈنكى، بۇغراخاننى قەشقەرگە لەشكەر تارتىپ بېرىشقا يەنە بىر قېتىم ئۈندەپ كۆندۈرەلمىگەنىدى. رەيھاندىن تىنچ - ئامان قايتىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىققا بۇغراخاننى ماقۇل قىلىپ قويغان بولسا كېرەك، «تەخىر قىلايلى، ئالدىرىمايلى» دەپ بولۇنباگنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.
بولۇنباگ پېشايلاندا يانپاشلاپ يېتىپ، چوڭ خوتۇنى ئايبانۇ سىقىپ چىققان ئۈزۈم شارابىنى ئىچىپ، دۆملەپ پىشۇرۇلغان قوي گۆشىنى مالاچىتىپ يېگىلى تۇردى.
قۇياش نۇرى ھويلىدىن كۆتۈرۈلگەنىدى. گۇگۇم چۈشۈپ سايە ئۇزارغانىدى. بولۇنبەگ شارابى ئاز قالغان خۇمىنى گۈللۈككە چۆرۈۋېتىپ ئۆزىچە غودۇڭشىدى: — بوزاغۇ كەلمەيدىغۇ. مېنىڭ بۇ ئوغلوم تازىمۇ توك ئادەم بولدى — دە. ھېچكىمگە ئوچۇق چىراي ئاچمايدۇ، ئاياللارغىمۇ كۈلۈپ قارىمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن كۆرەڭ. خوتۇن ئالسا بۇ مىجەزى ئۆزگىرەرمىكىن، چاپسانراق ئۆيلەپ قويسام بولاتتى. رەيھاندىن قىزىنى بەرسەم بولسا، ئۇ بونچە بىغەرەز بولۇپ كەتمەيتتى، ئۇھلىنىپ قالاتتى. — كىمگە گەپ قىلىۋاتىدۇلا، ئۆزۈر ئەزەم؟ سۆزلەپلا كەتتىلىغۇ! — دېدى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇرغان ئايبانو، — بوزاغۇمۇ سىلىنى دورىغان، خوتۇن ئالسا، خوتۇن بولغۇچىغا ماڭا ئوخشاشلا كۈن يوق، تىل — دەشنەمدىن قۇتۇلالماي جاھاندىن ئۆتەرمىكىن. — ۋالاقلىماي، كۆزى ئېچىلمىغان چۆرىلەردىن ئىككىنى چاقىر، پۇتۇمنى تۇتۇپ قويدۇن، ئاغرىۋاتىدۇ. — مەن تۇتۇپ قويسام بولمامدۇ؟ — ئايبانو ئېرىنىڭ تۈكلۈك پۇتىنى تۇتۇشقا باشلىدى. — سېنىڭ يىرىك قوللىرىڭ بەدىنىمگە تەگسە، چاققاق ئۈستىدە ياتقۇزۇپ قويغاندەك چىدىيالماي قالىمەن. بىزەڭلىك قىلماي چۆرىلەرنى چاقىر، — بولۇنبەگ ئايبانۇنىڭ لىغىرلاپ تۇرغان كاسىسىغا تەپتى. — ۋايجان، ماقۇل… سەمرىپ تىقىلىپ كەتكەن ئايبانو ئورنىدىن مىڭپ، ئىچكىرىكى ئۆيدە يىگىنە ئىشى قىلىۋاتقان ياش ئىككى چۆرىنى قىچقىرىپ چىقتى. — مانا تۇتقۇزۇۋالسلا. بولۇنبەگ خىرىلداپ كۈلۈپ دۇم بولدى. ئىشىك تارا قلاپ ئېچىلىپ، بوزاغۇ ئاتلىق كىرىپ كەلمىگەن
بولسا، ئوتلۇق قوللارنىڭ سىلىشى بىلەن ۋۇجۇدى سۆيۈنۈپ ياتقان بولۇنبەگ شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتى. ئۇ خوشىھال قوپقۇسى كەلمەي سورىدى: — كىم سەن؟ — ئابا، مەن كەلدىم. بولۇنبەگ ئوڭدا بولۇپ، ئوغلىنىڭ بىر تاغارنى ئاتتىن ئېلىۋاتقىنىنى كۆردى. — ئېلىپ كەلگىنىڭ ئالتۇنمۇ، جاۋاھىرمۇ، نېمە ئوغلۇم؟ ھاسىراپ ئۆپكىسى ئۆچۈپ كەتكەن بوزاغۇ تاغارنى سوپا ئۈستىدە شامدانغا يېقىنراق قويۇپ ئاغزىنى يەشتى. بولۇنبەگنىڭ كۆزىگە قارا چاچلىق بىر باش كۆرۈنۈپ چۆچۈپ كەتتى. — كىمنى ئۆلتۈردۈڭ تەلۋە، نېمىشقا بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭ؟ — ھېچكىمنى ئۆلتۈرمىدىم، ئابا، رەيھاندىنبەگنىڭ كىچىك قىزىنى ئاخىر ئېلىپ قېچىپ كەلدىم. — نېمە دېدىڭ؟ — ئورنىدىن چاچراپ تۇرغان بولۇنبەگ سوپىدىن يەرگە چۈشتى. — رەيھاندىنبەگنىڭ كىچىك قىزىنى بەيگە مەيدانىدىن ئېلىپ قېچىپ كەلدىم. — تىرىكمۇ؟ — ئۆلۈكنى نېمە قىلاتتىم! — نېمىشقا مەن بىلەن مەسلىھەتلەشمىدىڭ؟ — قورقاق ئەمەس، باتۇر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، — بوزاغۇ سۆزلەۋېتىپ ئۆكسۈپ ئۈنسىز يىغلاۋاتقان قىزنى تاغاردىن چىقاردى. — رەيھاندىنبەگنىڭ تويىنى ھازىرغا ئايلاندۇرۇپسەن — دە، بەختسىز. ئېلىپ قېچىپ كەلمىسەڭمۇ ئۆزى كېلەتتى ئەمەسمۇ. يۈگۈر، سىڭلىڭ قۇمارنى چاقىر، بۇ خان قىزنى ئۆيگە ئەكىرىپ غىزا بەرسۇن.
بوزاغۇ سىڭلىسىنى چاقىرىپ چىقتى. — بالام، بۇ خان قىز سەن بىلەن ئاداش بولغىلى كەپتۇ، ئۆيگە باشلاپ ئاناڭ بىلەن ئوبدان كۈتۈۋال. — ماقۇل، ئابا. ئون تورت ياشقا كىرگەن سېرىق چاچلىق قۇمارى يۇم - يۇم يىغلاۋاتقان قىزنى قولىدىن تارتىپ ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. — سەن ئوغلۇم، نېمىلا دېگەنبىلەن بىر قوزىنى تۇتۇپ كېلىپ، چىلبۆرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇڭ، — دېدى بولۇنبەگ بوزاغۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ، ئاندىن ئۆيدىن چىقىۋاتقان يىغا ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ چىرايى تۈرۈلگەن ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — لېكىن ماڭا باش ئاغرىقى تېپىپ بەردىڭ، بۇ قاراملىقىڭنى باھانە قىلىپ ھاجىپ رەيھاندىن بىز قارلۇقلار ئۈستىدىن بۇغرا قاراخانغا ئەرىز قىلسا، چوڭ ماجىرا چىقىدۇ، بۇ جېدەلنى يىغىشتۇرماقمۇ تەسكە توختايدۇ، بۇغرا قاراخانمۇ ھازىر ھاجىپقا مايىل. بۇنى ئويلاپ كۆردۈڭمۇ؟ — بولۇنبەگ گۆشىپ تۇرغان بوزاغۇنىڭ قولىدىن تارتىپ پېشايۋان سۇپىسىدا ئولتۇرغۇزدى. تۈۋرۈكلەرگە ئورنىتىلغان قەندىللەردىكى شامنىڭ يورۇقىدا جەڭ كىيىمى كىيىۋالغان بوزاغۇنىڭ ساۋۇت - دۇبۇلغىسى يارقرايتتى. — ئابا، سەن ئالىپ سەرگەردىغۇ، نېمىدىن شۇنچە قورقىسەن؟ غەزىنەچىلەر ئېلىدىن قايتىپ كەلگەندە «سار ئالاماس قاغا ئىكەنئەن» دەپ مېنى ئەيىبلىشىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ زەردار ئائىلىنىڭ پەرىسىنى ئېلىپ كەلسەم يەنە ئەيىبلەۋاتىسەنغۇ؟ ئېيتىقنا، بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ يۈرسەم بولامتى؟ — ئاچچىقلانغان بوزاغۇ ئاتىسىدىن نېرىراق سۆرۈلدى. يىغا ئاۋازى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ قارامتۇل چېھرى بوزىرىپ كەتتى، — بۇ قانجۇق ئاغزىنى يۇمسا بولاتتى، ئەستا… — ئاغزىڭنى يۇم! — بولۇنبەگ ۋارقىرىدى، — مەن سېنى ئەيىبلەۋاتقىنىم يوق، ئاقىۋەتنى ئويلاۋاتىمەن، ئوغلۇم. راست،
قورقماس ئالىپ ئەر بولالايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلاپ، بىر زەردارنىڭ يۈزىنى چۈشۈردۇڭ، يارايسەن! ئەمدى رەيھاندىن قىزىنى ساڭا بەرمەي، ئىلاجى يوق — ئاھانەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن، پەخەس بولمىساق، سىلىقلىق بىلەن دۈشمىنىمىزنى باش ئەگدۈرمىسەك، ئۆزىمىز زىيان تارتىمىز. ئەلپازىڭدىن بۇنداق قار-يامغۇر ياغدۇرۇپ يۈرمەي، چىرايىڭنى ئېچىپراق يۈر. — مانا ئەمدى ئاتامدەك گەپ قىلدىڭ، بايا ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتكەنتىڭ، — بوزاغۇ ئاتىسىغا يېقىن سۆرۈلۈپ ھىجايدى، — ئۇ پەرى ناخشىسىنى توختاتسا بولاتتى. — مەيلى، يىغلىسا يىغلىۋەرسۇن، بۇ چوكا قورۇدىن ھېچ يەرگە ئاتلانمايدۇ. سەن ئاغزىڭنى چىڭ تۇت. بۇ قىز بىزنىڭ ئۆيگە كۈنگىچە، ئەپقاچقىنىڭنى ھەم بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنما، — دېدى بولۇنبەگ تاپىلاپ. — ماقۇل ئابا، ھېچكىمگە تىنمايمەن. — دەريا بويىغا قانچە يىگىت بىلەن بارغاندىڭ؟ — تۆت. — ھەممىسى ئىشەنچلىكمۇ؟ — ناھايىتى ئىشەنچلىك. سۇغا دېسەم سۇغا، ئوتقا دېسەم ئوتقا كىرىدىغان ساداقەتمەن دوستلىرىم. — ئۇلارنىڭ ھەممىسى قارلۇقمۇ؟ — بىرسى چىگىل. — چىگىلنىڭ ئىسمى نېمە؟ — سانسار، مۇسۇلمانچە ئىسمى ئابدۇراخمان. مەن بىلەن بىللە جەڭ قىلغان ئالىپ يىگىت، خاس نۆكەر. — ھەرھالدا پەخەس بول. قىز ئۆيىمىزگە كۆنۈۋالغاندىن كېيىن، رەيھانبەگ بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىمەن. بوزاغۇ بېشىنى لىڭشىتىپ، ۋەھىمىلىك شىلدىرلاپ تۇرغان تام تۆۋىدىكى چىنار دەرىخىگە قاراپ قويدى. ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يالت قىلىپ چېقىلغان چاقماقنىڭ شولىسى چىنار دەرىخىگە
چۈشۈپ بوزاغۇنى چۆچۈتۈۋەتتى. — ئۆيگە كىرىپ ئاۋۇ پەرىنىڭ ئۈنۈنى ئۆچۈرەيلى، ئابا، — بوزاغو قوپۇپ، ئاتىسىنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. گۈلدۈرماما گۈدۈرلەپ يامغۇر قويۇۋەتتى. ھويلىدىكى شام-چىراغلار ئۆچۈپ قالدى. بولۇنبەگ ئوغلى بىلەن ئۆيگە كىردى. — ئابا، بۇ قىز يىغلاپلا ئولتۇرىدۇ، مەن بىلەن ئاداش بولمىغۇدەك، — دېدى قۇمارى ئاتىسىغا ئېسىلىپ ئەركىلەپ. — سەن بىلەن ئاداش بولىدۇ، قىزىم. تاماقتىن يېمىدىمۇ؟ — بولۇنبەگ بۇلۇڭدا تامغا ئالدىنى قىلىپ يىغلاۋاتقان قىزغا كۆز سېلىپ بېشىنى چايدى. — شۇنچە قىلساممۇ تاماق يېمىدى، — دېدى تەستە قويقان ئايبانو، — قۇمارى دوست بولايلى، دەپ بىر تال ئالتۇن ئۈزۈك بەرسىمۇ ئالمىدى. — ھەم، — بولۇنبەگ داستىخاندىكى نازۇنېمەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ، ساقىلىنى سىيپاپ قويدى. — قاراپ تۇرامسەن، بۇ شور پېشانىنىڭ يىغىسىنى شېرىن سۆز، لەززەتلىك تاماق بىلەن توختاتقىلى بولمىغۇدەك. قولۇڭغا قامچا ئال! — بۇيرۇدى ئايبانو زەھەرخەندىلىك بىلەن. بوزاغو ئىشىككە قاراپ ماڭدى. — توختا، ئوغلۇم. گۈلنىڭ تىكىنى بولىدۇ، قىلىچ بىلەن چاپسا توزۇپ كېتىدۇ، قول بىلەن ئۈزسە تىكىنى سانجىلىدۇ. تىكىنى سانجىلسىمۇ چىداپ، توزۇتماي ئۈزۈۋېلىش كېرەك، — بولۇنبەگ ئوغلىنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ ئايبانوغا دېدى، — خوتۇن، بۇ قىز ساڭا ئوخشايدۇ. سېنى قامچىلاپ تۇرمىسام ھەددىڭدىن ئېشىپ كېتەتتىڭ، ئۆزۈڭنىڭ بىر ئاجىزە ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالىسەن. بۇ قىز تېخى ئوغلىمىزغا ياتلىق بولغىنى يوق، ياتلىق بولغاندىن كېيىن قامچا ئاستىغا ئالسا بولىدۇ. ھازىر قامچا بىلەن ئەمەس، ياخشى سۆز بىلەن كۆڭلىنى ئۇتۇش زۆرۈر. ئوغلۇم، خانىغا چىقىپ، ئادەمنى ۋەھىمىگە
سالىدىغان جەڭ لىباسىنى سېلىۋەتكەن، باياۋاچچىدەك كىيىنىپ، خۇشخۇي يىگىت بولۇپ چىق. ھەممىمىز بۇ خان قىز بىلەن بىللە تاماق يەيلى. ئانىسى، سىزمۇ چىقىپ ئوغلىمىزنىڭ ئېسىل كىيىملىرىنى ئېلىپ بېرىڭ.
بولۇنبەگ ئوغلى بىلەن خوتۇنى چىقىپ كېتىشىگە، ئاستا كېلىپ ئۈنسىز يىغلاۋاتقان قىزنىڭ يېنىغا ئولتۇردى.
— خان قىزىم، ئوغلىمۇ ئەدەپسىزلىك قىلىپ، سىلىنى ئەپقېچىپ كېپتۇ. مەن بۇنىڭدىن كۆپ ئەپسۇسلاندىم، ئاتىلىرى ئالدىدا بەك خىجىلمەن، خاپا بولمىسىلا، ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويىمىز.
قىز ئېتتەك قايرىلىپ چۆمۈچەردە كەينىدىن تىكىلدى.
— راستلا مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويامسىلەر؟
— ھەئە خان قىزىم، ئىسىملىرى نېمە؟
— ئايتمىش.
— بەك چىرايلىق ئىسىم ئىكەن، سىلىمۇ ئاجايىپ چىرايلىق ئىكەنلا خان قىزىم، كۆز تەگمىسۇن، — بولۇنبەگ ئايتمىشقا قاراپلا قالدى، «ئوغلىمۇ مال تونۇيدىكەن، ھۆسندە تەڭداشسىز ساھىبجامال قىز ئىكەن…»
— مەن ئۆيۈگە كەتسەم بولاتتى، — دېدى ئايتمىش بىتاقەت بولغان ھالدا. كۆزىدىن تۆكۈلگەن تامچىلار مەڭزىدىن سىرغىپ ئېتكىگە قويۇلماقتا ئىدى.
— ئايتمىش قىزىم، مەن ئاتىلىرى ئورنىدا، بۇ ئائىلىمۇ سىلىنىڭ ئائىلىدەك چوڭ ئائىلە، قىزىمۇ ئۆزلىرى بىلەن تەڭ دېمەتلىك. ھەرگىز تارتىنمىسىلا، ئۆز ئۆيلىرىدەك ئولتۇرۇسلا، بولامدۇ؟
— مەن ئۆيۈمگە كەتمىسەم، دەرۋازىدىن چىقىرىپ قويساڭلار، ئۆيۈمنى تېپىپ بارالايمەن، — ئايتمىش ئورنىدىن قوزغالدى.
— ئالدىرىمىسىلا خان قىزىم، تاماق يېسلا، تاماق يېمەي كەتسلا ئاتىلىرى رەيھاندىنبەگمو خاپا بولىدۇ. ئاتىلىرى مېنىڭ
يېقىن دوستۇم، ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. — مەن تاماقتىن ئۆيگە بېرىپ يەيمەن، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالسام ئاپاملار ئەنسىرەپ كېتىدۇ. بۇلۇنبەگ جاۋاب بەرمەي، كىيىنىپ چىققان ئوغلىنىڭ باش - ئايىغىغا كۆز سېلىپ دېدى: — مانا، مانا، ھەقىقىي بايوچەچە بوپسەن، بالام. كەل ئولتۇرغىن، ئايتمىش قىزىم بىلەن بىللە تاماق يەيلى. — مەن ئۆيگە كېتمەن، — چىمەن دوپپا، شاھى كۆڭلەك كىيگەن بوزاغۇغا كۆز قىرىنى سالىمىغان ئايتمىش يەنە تامغا ئالدىنى قىلىۋالدى. — بالام، تاماق يەۋالسلا، — دېدى تونۇر كاۋىپىغا قول ئۇزارتىپ بولۇنبەگ. ئۇ كاۋاپنى يەپ بىر قولىغا پىيالىنى ئالدى، يەنە بىر قولى بىلەن ئايتمىشنىڭ يېڭىدىن تارتتى. ئايتمىش قاتتىق يۇلقۇنۇپ نېرى سۆرۈلدى. بولۇنبەگنىڭ قولىدىكى پىياله داستىخانغا چۈشۈپ كەتتى، چاي تۆكۈلدى. — نېمانداق غەرەز ئۇقمايدىغان قىز بۇ؟! — بولۇنبەگنىڭ سېمىز بوينى قىزىرىپ، يۈزى تارتىشىپ كەتتى. — مەن چاينى ئۆيۈمدە ئىچىمەن! — دېدى ئارقىراپ ئايتمىش، — بۇ يەردە ئىچمەيمەن! بوزاغۇ ئاتىسىنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن ئايتمىشنىڭ قېشىغا كەلدى. — چاينى مەشەدە ئىچىدلا ئايتمىش خان قىز، بۇ ئۆيدىن ھەرگىز كېتەلمەيدىلا، مەن سىلىنى كەتكۈزمەيمەن، — بوزاغۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ داستىخان يېنىغا ئولتۇرغۇزماقچى بولدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى ياپراقتەك تىترەپ كەتكەن ئايتمىش ئۇنىڭ يۈزىگە ئىككى كاچات ئوردى، تىپچەكلەپ يۇلقۇنۇپ، زادى بوي بەرمىدى. — ئامبۇردەك قوللىرىڭدا مىجىۋەت بۇ شۇمنى! بۈگۈن تاماق يېمىسە ئەتە يەيدۇ، ئەتە يېمىسە ئۆگۈنلۈككە يەيدۇ! تاماق يېمەي
بۇ ئۆيدىن كېتەلمەيدۇ. ماڭ، ئېلىپ چىقىپ ئىچكىرىكى ئۆينىڭ قازنىقىغا سولاپ قوي! بولۇنبەگ ئاچچىقتىن تىترەپ ئۆز خانىسىغا چىقىپ كەتتى.
بوزاغۇ توشقان ئالغان قارچىغىدەك، قىزنى قاماللاپ كۆتۈرۈپ يان تەرەپتىكى ئىچكىرى ئۆينىڭ قازنىقىغا سولاپ قويۇپ چىقتى. ئايتمىش پەرياد چېكىپ قالدى.
سولاپ قويدۇڭمۇ؟ سورىدى بولۇنبەگ.
ھەئە، قۇلۇپلاپ قويدۇم.
گەپ قىلمىدىمۇ؟ بولۇنبەگ ياستۇققا يانپاشلىدى.
كېتىمەن، دەپ قاقشاپ قالدى، بوزاغۇ ئاتىسىغا يېقىن كېلىپ ئولتۇردى.
تەقسىرىم، دېدى چوغدان بىلەن چىلىمنى كۆتۈرۈپ كىرگەن ئايبانو يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئوغلىمنى بۇ قىزغا قوشۇپ قويمىساق ئىش تېرىيدىغاندەك تۇرىدۇ، جۇمۇ.
قانداق قوشۇپ قويىمىز؟ بولۇنبەگ ئولتۇرۇپ چىلىمنى قولىغا ئالدى.
قانداق قوشۇپ قوياتتۇق، ئىچكىرىكى ئۆيدە بوزاغۇ بىلەن ياتسۇن.
بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالسا ئوغلىمىز چالما كېسەك قىلىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئويلاپ باشقىراق ئامالنى قىلىش كېرەك، بولۇنبەگ چىلىمغا يېلىنجاپ تۇرغان چوغنى سالدى.
قانداق ئامال بار؟
بولۇنبەگ بارماقتەك نەشەنى يىمىرىپ قىپقىزىل چوغ ئۈستىگە قويۇپ، خورقىرىتىپ ئىچىگە تارتۇتتى، نەشە كۆيۈپ ئوت ئالدى. قىزىلگۈل يوپۇرمىقىدەك ئوتنىڭ تىلى گاھ ئۆرلەپ، گاھ قىسقىراپ چىرايلىق كۆيۈشكە باشلىدى. ئۆي ئىچى نەشەنىڭ ئۆتكۈر پۇرىقىغا تولدى.
ئايبانو قېنىق دەملەنگەن زەپە سالغان چايدىن كۈمۈش جامغا قويۇپ ئېرىنىڭ ئالدىغا قويدى دە، ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
— نەگە بارىسەن خوتۇن؟ — چىقىپ بولغاندا كۆرەي. — ئولتۇرۇڭلار، گېپىمنى ئاڭلاپ ئاندىن چىقىڭلار، — بولۇنبەگ خوتۇننى ئاياغ تەرەپتە ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى. ئايبانو ئولتۇردى. — قىزىم قۇمارى بىلەن ئىككىڭلار ئىچكىرى ئۆيدە ئۇ مەھرەمنى ساقلاپ بىرنەچچە كۈن يېتىپ تۇرۇڭلار، ھەرقانداق توسۇن تايمۇ ئادەمنى مىندۈرۈشكە كۆنىدۇ. بۇ تېخى ئانىسىنىڭ سۈتى ئاغزىدا پۇراپ تۇرغان قوزا، ھامان كۆنىدۇ. كۆڭلىدىن كېيىن، ئوغلىمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ئەپقېچىپ كەلگەنلىكىنى جامائەتكە ئاشكارىلايمەن. رەيھاندىنبەگكىمۇ ئۆزۈم دەيمەن. قىز ئەپقېچىش ئەر يىگىت ئۈچۈن ئەيىب ئەمەس. بىراق، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن ئاشكارى قىلمىغۇچە ئاغزىڭلاردىن چىقىرىپ سالماڭلار. ئوغلوم، سەنۇ ئو قىزنى ئەپقېچىشقا بىللە بارغان ئاغىنىلىرىڭگە تاپىلاپ قوي، ھېچكىمگە تىنمىسۇن. — ماقۇل ئابا، ئەتە ئەتەنگەندىلا تاپىلاپ قويىمەن. بوزاغۇ ئانىسى بىلەن چىقىپ كەتتى. بولۇنبەگ چىلىمنى خورقىرىتىپ، قىزىل تىللىرىنى سوزۇپ كۆيگەن نەشتىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىدى. ئايتمىش ئەتەسمۇ تاماق يېمىدى، قازاناقتىن چىققىلى ئۇنماي يىغلاپلا كۈننى كەچ قىلدى. بولۇنبەگ، ئايبانۇلار كىرىپ قىلمىغان چىرايلىق گەپى قالمىدى. ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلگەن ئايتمىش ئۆيگە كېتىش تەلەپىدە چىڭ تۇردى. — بۇنداق كاجلىق قىلساق ئۆيۈڭگە ھەرگىز كېتەلمەيسەن. مۇلايىملىق بىلەن دېگىنىمگە ماقۇل بولساق، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئىززىتىڭنى قىلىمىز، ئاتا — ئاناڭ بىلەن كۆرۈشتۈرىمىز، — دېدى بولۇنبەگ.
ئايتمىش جاۋاب بەرمەي تامدىن كۆزىنى ئالمىدى.
— گەپ قىل! — بولۇنبەگ ئۇنى تارتىپ ئۆزىگە قاراتتى.
— مەن ئۆز ئۆيۈمگە كېتىمەن، ھەرگىز سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك بولمايدۇ، — ئايتمىشنىڭ جاۋابى بولۇنبەگنى ئاچچىقلاندۇردى.
— ئۇنداق بولسا بىرنەرسە يەمەي ئۆلگىنىڭنى كۆرەي.
بولۇنبەگ ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتكەنچە قايتا يېنىپ كىرمىدى.
2
ئۇگۈنى ئايتمىش بەكلا ھالسىزلىنىپ قالدى، قاراڭغۇ قازناقتا خۇداغا نالە قىلىپ يىغلاپلا ئولتۇردى. قۇمارى، ئايبانۇلار ئېلىپ كىرگەن تاماق، ئانار شەربىتىگە قول ئۇزارتىپمۇ قويمىدى. ئۇ ئۆز ئۆيىگە بېرىپ، ئاتا — ئانىسى بىلەن دىدار كۆرۈشمىگۈچە تاماق يېمەسلىك ئىرادىسىگە كەلگەنىدى.
كەچقۇرۇن ئوردىدىن قايتقان بولۇنبەگ بېشىكىشلىرىنى پىچىپ كاسا قىلىپ، ئايتمىشنىڭ يېنىغا كىردى.
— قىزىم، ئۆسۈسخانلا، تاماق يېمىسلىمۇ، بۇ قوغۇندىن ئىككى كېسىم يېسە، جانلىرىغا ئېچىلىرى ئاغرىسۇن، — دېدى سىلىق سۆزلەپ.
— يېمەيمەن، ئۆيۈمگە كېتىمەن!
ئايتمىشنىڭ چىرقىراق ئۈنى شاپىلاق بىلەن ئۇرغاندەك بىلىنىپ، بولۇنبەگنىڭ جۇدىنى تۇتتى.
— خەير، ئاتاڭنىڭ يۈزىنى قىلسام بىلمىدىڭ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ. بۈگۈن كېچە ئوغلۇم بوزاغۇ ساڭا ھەمراھ بولۇپ تاماقتىمۇ يېگۈزىدۇ، يىغلىتىدۇ، كۈلدۈرىدۇ. بۇنى كاج پېيلىڭدىن كۆر، بەتبەخت!
بولۇنبەگ ئاچچىقىدا قوغۇننى يەرگە ئاتتى، ھويلىغا چىقىپ،
دېدەكلەرگە شام - چىراغلارنى يورۇتۇۋېتىشنى بۇيرۇدى. گۈللۈكنى بويلاپ ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭدى.
ئايپاشا ئىرغاشلاپ چىقىپ دېدەكلەرگە بۇيرۇپ پېشايۋانغا داستىخان سالدۇردى. شۇ چاغدا بوزاغۇ ئىشىكتىن ئاتلىق كىرىپ كەلدى. ئاتىسىنى كۆرۈپ ئاتتىن ئېتتىك چۈشتى - دە، تىزگىننى ئات باقارغا تۇتقۇزدى.
— كەلدىڭمۇ؟ — بولۇنبەگ بوزاغۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، — بۈگۈن كېچە ئىچكىرى ئۆيدە يېتىپ ئۇ كاساپەتكە تاماق يېگۈز، چاي ئىچۈر، ئەتە بىرنېمە دېسەك ماقۇل دەيدىغان بولۇپ قوپسۇن، ئۇقتۇڭمۇ؟
— ئۇقتۇم ئابا، تۈنۈگۈنلا شۇنداق قىلىشىم كېرەك ئىدى.
— بۈگۈنمۇ كېچىكىپ قالمايسەن، — بولۇنبەگ بوزاغۇنىڭ قولىدىن تارتىپ پېشايۋان سۇپىسىدا يېنىغا ئولتۇرغۇزدى، — ماڭا قارا، بۈگۈن بۇغرا قاراخان ساڭا گەپ قىلدىمۇ؟
— گەپ قىلدى، ئابا، — بوزاغۇ خۇش ياقمىغاندەك جاۋاب بېرىپ دېدى، — كۈندە مۇشۇ بىر سوئالنى سوراۋېرىسەنغۇ.
— سوراپ تۇرسام يامان بولامدىكەن، ئېيت، نېمە دېدى؟
— ئاتاڭ تويۇڭنى قىلمامدىكەن، دېدى، — دەپ ھەييارلىق بىلەن كۈلدى بوزاغۇ.
— يالغان سۆزلىمە.
— راست شۇنداق دېدى، — بوزاغۇ يەنە يالغان ئېيتتى.
— سېنى ئىشقا بۇيرۇمىدىمۇ؟
— بۇيرۇدى، ئاتا.
— نېمە ئىشقا بۇيرۇدى؟
— ئاق تۇلپارىمنى ئەكىلىپ بەرگىن دېۋىدى، ئەكىلىپ بەردىم.
— نەگە بارىدىكەن؟
— دەريا بويىغا.
— سەن بىللە باردىڭمۇ؟
— جاندارلار باشلىقى تۇرسام، بىللە بارمامدىمەن. ئەجەب مەن يۇغرۇش بېشى تۇرۇغلۇق بۇنى بىلمەپتىمەن، — بوزاغو دۇدۇقلاپ يەرگە قارىۋالدى. — ئوغلۇم، تامامەن يالغان سۆزلەپسەن. بۇلارنى سورىشىمدىكى غەرەز: بۇغرا قاراخانغا قانچىلىك يېقىنلاشقىنىڭنى بىلىپ بېقىش. بۇغرا قاراخانغا قانچە يېقىن تۇرساق، ئۇ سەندىن قانچە كۆپ گەپ سورىسا، سېنى ئىشقا دايىم بۇيرۇپ تۇرسا، ھۆرمىتىڭ شۇنچە ئۈستۈن، ھوقۇقۇڭ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، بۇنى ئېسىڭدىن چىقارما. بارلىق چارە — ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ بۇغرا قاراخانغا تېخىمۇ يېقىنلاش. ئۇر دېسە چاپ، چاپ دېسە بېشىنى كەس! ئىشەنگەنگە چوقۇم ئېرىش! — باش ئۈستىگە، ئاتا، دېگەنلىرىنى ئېسىمدە تۇتىمەن، — ۋەدە بەردى بوزاغو. بىر دەمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ قولىغا سۇ بەردى. خىزمەتكارلار كۆتۈرۈپ چىققان ئاش، يەم — يېمەك، تاۋۇز — قوغۇنلار داستىخانغا قويۇلدى. بولۇنبەگ پۇلۇغا بېسىلغان ئۆلەر گۆشىنى پارچىلاۋاتقاندا، ئىشىك قاتتىق قېقىلدى. — بۇ كېچىتە كەلگەن كىمدۇ؟ — بولۇنبەگ بېشىنى سىيرىپ يان قىلىپ دەرىزىدىن ھويلىغا كۆز سالدى. ئۆزىنىڭ خاس نۆكىرى چاۋاربەگ خىزمەتكارلار بىلەن پېشايلاندا تاماق يەۋاتاتتى. يەتتە — سەككىز كۈنلۈك ئاي ھويلا تېمىنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئىزغىرىن شامالدا ئەرمۇدۇن دەرىخى يىپىنىڭ ئىرغىشىپ شىرىلداغان ئاۋاز چىقىراتتى. پاقا كوركىراۋاتاتتى. ئىشىك يەنە قېقىلدى. بولۇنبەگ توۋلىدى، — ھاي چاۋار، ئاڭلىمىدىڭمۇ، چىقىپ قاراپ باق، كىم ئىكەن، بىگەرەز بولمىسا، مېنى يوق دەپ قويغىن. بوزاغونىڭ يۈرىكى ئاغدى، قوپۇپ ئولتۇردى، يەنە قوپتى، جايىدا ئولتۇرالمايلا قالدى. — نېمە بولدۇڭ بالام؟ ئولتۇرۇپ ئاشنى يە، بەك ئوخشاپتۇ، —
233
ئايخانۇ ھويلىغا قاراپ نېمە ئۈچۈندۇر بىئارام بولۇپ كېتىۋاتقان بوزاغۇنى تاماق يېيىشكە دەۋەت قىلدى.
بولۇنبەگ ئۇلارنىڭ مەي بولۇپ پىشقان گۆشتىن قوشۇپ، ئالىقىنىغا تولدۇرۇپ ئالغان ئاشنى ئاغزىغا سالدى. ھۇزۇرلىنىپ چايناپ يۇتۇۋاتاتتى، ھۆمۈدەپ دەرىزە ئالدىغا كەلگەن چاۋار بەگ بېشىنى ئېگىپ:
— ۋەزىر ئەزەم، ئىشىك ئالدىغا تولۇملۇق ئادەملەر يىغىپ كېتىپتۇ. ھەممىسىنىڭ قولىدا ئوتقاش، ھەزرەتلىرىگە گېپى بار ئوخشايدۇ، — دېدى. ئۇنىڭ نېمىشقىدۇر چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى.
— يۈگۈر، يوغروش بېشى ئەزىز دەرگاھىدىن كەلمەپتۇ، دەپ ئېيت، — ئىچىگە قورقۇنچ چۈشكەن بولۇنبەگ ئاش يەۋاتقان بوزاغۇغا ئالىيىپ قويدى. «كىملەردۇ ئۇ؟ تايىنلىق رەيھاندىنبەگنىڭ ئادەملىرى بولسا كېرەك. ئوغلوم ھېچكىمگە تىنمىدىم دەۋاتاتتى، قانداق ئۇققاندۇ؟ قايتىپ كەتسە بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى. ئەتە ئۆزۈم بېرىپ، ئەپۇ سوراپ، قۇدا چۈشۈپ كېلىمەن. ئەگەر قايتىپ كەتمىسە…» ئۇنىڭ خىيالى تۈگىمەي ئوتقاش كۆتۈرگەن بىر توپ ئادەم ھويلىغا بېسىپ كىردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭ لىباسى كىيىشكەن يىگىتلەر ئىدى. ئاشانبۇقا بېشىغا ئورىغان سەللىسى، ئۇزۇن ساقىلى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بويانقار بىلەن ئۆدمىش بىر قولىدا ئوتقاش كۆتۈرۈپ، بىر قولىدا ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇۋالغانىدى. ئۇلار ئاتتىن چۈشۈپ پېشايۋان ئالدىغا كەلدى ۋە قىيا ئوچۇق دەرىزىدىن بولۇنبەگ بىلەن بوزاغۇنى كۆرۈپ قېلىشتى.
— يوغروش بېشى جاناپلىرى، بار ئىكەنسىز، مېھمان بولۇپ كەلدۇق، ئالدىمىزغا چىقمامسىز جۆرئىتىڭىز يوقمۇ؟ — دېدى ئاشانبۇقا مەسخىرە قىلغان ھالدا، — چاپسانراق چىقمىساڭ،
بولمىسا ئۆيگە كىرىۋېرىمىز، بىر تارتىنمايدىغان مېھمانلار. — يوغروش بېشى چىقسۇن! جاندار بېشى چىقسۇن! — دەپ توۋلىشىپ تاشانبۇقانىڭ كەينىدە تۇرۇشقان يىگىتلەر. ئۆدمىش بىلەن بويانقار قىلىچلىرىنى قىنىدىن سوغرىشتى. — بولاقچى چىقسۇن! ئايتمىشبېكەنى تاپشۇرسۇن! — دەپ ۋارقىرىدى ئادار. بولونبەگ چۆچۈپ كەتتى. ئۇ ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇۋاتقان ئوغلىغا بىر قارىۋېتىپ ھويلىغا ئاستا چىقتى ۋە ئېگىلىپ سالام قىلدى. — كېلىڭلار، كېلىڭلار ئالىپ يىگىتلەر، يورۇقتۇراق كەلمەي كېچىدە كېلىپ، مېنى ھودۇقتۇرۇپ قويدۇڭلار. قېنى ئۆيگە كىرىڭلار، چىرايلىقچە سۆزلىشەيلى. — خۇپ سېلىك قىلماڭ يوغروش بېشى جاناپلىرى، بىز ئوغلىڭىزنىڭ ئاغچى ئۇلۇغنىڭ قىزىنى بولاپ كەتكىنىنى بايراپ بىلدۇق. بۇ يەردە سۆزلىشىدىغان ئىش يوق، خان قىزىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدۇق، — دېدى ئۆدمىش. تاشانبۇقا باشچىلىقىدىكى بۇ يىگىتلەر رەيھاندىن، ئادامتۇغرۇل، شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللا جەمەتلىكىدىن ئىدى. بۇنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان بولونبەگ يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ دېدى: — ھەرقايسىڭلار ھويلىغا كىرگەندىلا نېمە ئۈچۈن كەلگىنىڭلارنى بىلىپ خىجىلچىلىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. ئەتە ئەتىگەندە خان قىزىنى ئېلىپ بېرىپ ئاغچى ئۇلۇغى جاناپلىرىغا تاپشۇرۇپ، ئەپۇ سوراپ كەلمەكچىدىم. بەك بىخەستەلىك قىپتىمەن، بۈگۈن ئەتىگەندىلا بېرىشىم زۆرۈر ئىدى. ھەرقايسىلىرى كېلىپ ئوسال بولدۇم، — بولونبەگ يىغلامسىراپ كۆپچىلىككە بىر قارىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئوغلۇم بەتباشلىق قىلىپ قويۇپتۇ، قاتتىق خاپا بولدۇم، قامچا بىلەن ھوشىدىن كەتكۈچە ئۇردۇم. «مەن ئايتمىش قىزغا ئاشىق.
ئۇنى بىر كۆرۈۋالاي دەپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ دەريا بويىغا بارسام، قىزلار بىلەن ئات چېپىشىۋاتىپتىكەن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئېپىپچىپ كەلدىم» دەپ قار-يامغۇر يىغلاپ تۇرۇۋالدى. بالا ئىكەن، ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ ئورنى بولمىدى، خان قىزى بالىنىڭ ئانىسىغا تاپشۇردۇم. قورقۇپ كېتىپتىكەن، ئەسلىگە كېلىۋالسۇن، دەپ ۋاقىتلىق ئايرىپ بېرىلمىدىم. خاپا بولۇشمىسلا، كېلىشىسلا. ئوغلاق گۆشىدە كاۋاپ قىلدۇرۇپ بېرەي.
قورقۇپ كەتكەن بولۇنبەگ راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپ، كەينى-كەينىدىن كەچۈرۈم سوراپ ياغلىما گەپلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى.
— خان قىزنى ئېلىپ كېتىمىز!
— خان قىزغا زىيان-زەخمەت يەتكەن بولسا، بولاقچىنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويمىز! — دەپ چۇقان سالدى يىگىتلەر.
ئالاقزادە بولغان بولۇنبەگ ئىچكىرى ئۆيگە ئالدىراپ كىردى. ئۇنىڭ خوتۇن-چۆرىلىرى، قول-دېدەكلىرى مۆكۈنۈۋېلىشقانىدى. ئايبانو قازناقنى ئاچتى.
— خان قىزىم يۈرسىلا، سىلىنى ئاتا-ئانىلىرى يېنىغا ئېلىپ كەتكىلى كىشى كەپتۇ.
بولۇنبەگنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆز چىقىش بىلەن تەڭ ئايتمىش ئورنىدىن قوپتى، سەنتۈرۈلۈپ مېڭىپ قازناقتىن چىقتى.
— ئوغلۇم، سەن قازناقتا تۇرۇپ تۇرغىن، رەيھاندىنبەگنىڭ ئادەملىرىنىڭ پەيلى يامان تۇرىدۇ، — دېدى بولۇنبەگ بوزاغۇنى قازناققا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈپ.
ئايتمىش ھويلىغا چىقىپ ئاشانبۇقا، ئۆدمىش، بويانقار، ئادارلارنى كۆردى. ئاشانبۇقا قىزنى ئاتقا مىندۈردى، تىزگىننى ئۆزى تۇتۇپ ئىشكتىن چىقتى.
بولۇنبەگ قىزنى ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر توپى كۆزدىن يوقالغۇچە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ قاراپ تۇردى.
3
بىرقانچە كۈندىن بۇيان پەرىشان، ئويچان بولۇپ قالغان يۈسۈپ ئاچىسىنىڭ تېپىلغانلىقىدىن شۇنداق خوش بولدىكى، نەچچە كۈندىنچە ئىسلىق چېھرىدىن كۈلكە كەتمىدى. ئۇ قارىخانغا بارىدىغان ئەتەنگىلىكمۇ، يانغان كېچۆرۈنلۈقمۇ ئايتىمشىنىڭ يېنىغا كىرمەي قويمايتتى. شوخ - ئەركە ئارچۇنغا تاشقىرىغا يالغۇز چىقماسلىق توغرىسىدا جېكىلەپ تۇراتتى. ئۇ گويا قىزلارنىڭ ئاكىسى ئەمەس، ئاكىسىدەك، ئۆزىنى شۇنداق تۇتىدىغان بولۇپ قالدى.
ئايتىمش بىر ئايغىچە ئۆزىگە كېلەلمىدى. كېچىسى چۈشەكەپ جۆيلۈپ ئويغىنىپ كېتەتتى. كۈندۈزى ئۆيدىن چىقماي كىتاب ئوقۇيتتى. «بوزاغو ئەپقاچقان» دېگەن بەتنام ئۇنىڭ نازۇك قەلبىگە داغ چۈشۈرگەنىدى، شۇنى ئويلىسىلا بەدىنى تىترەپ كېتەتتى. يابرا قىزنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ھالىتىدىن، سۆز - ھەرىكىتىدىن بىلىپ چىدىماي يىغلاپ كېتەتتى، سائەتلەپ يېنىدا ئولتۇرۇپ روھىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى. پارسچە ئۆگىنىشكە ياردەم قىلاتتى، ھېكايە، چۆچەك ئېيتىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى، ئايتىمش يېڭىلا يامغۇردا قالغان گۈلدەك ئېچىلالمايۋاتاتتى. رەيھاندىنمۇ كەم سۆز بولۇپ قالغاندى، قىزىڭلا ئەمەس، پۈتۈن جەمەتكە داغ تەگكۈزگەن بوزاغودىن قاتتىق نەپرەتلىنەتتى. ئۇ بولۇنبەگ كەلگەن شۇ ئەتەنگىنى:
— يوغروش جاناپلىرى، بولدى، كۆڭۈل ئېيتماي قويۇڭ. ئانداق بولاپ كەتسەي، ئەلچى ئەۋەتكەن بولسىڭىز، ماقۇل بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى. ئەمدى ماقۇل بولالمايمەن، ئارتۇقچە گەپ قىلىش ھاجەتسىز، ئوغلىڭىز قىزىمغا لايىق ئەمەس، — دەپ يولغا سېلىپ قويغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئولتۇرسا - قوپسا
237
قىزلارنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا كۆپرەك باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. كېچىسى قورۇققا قارايدىغان قاراۋۇللارنى كۆپەيتتى. قىزدۇرمىشىنى ئىككى قىزنىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولدى.
بىر ئاي يەنە شۇنداق ئۆتتى. ئاق لىباسنى يېپىنىپ قىش كىردى. يۈسۈپنىڭ ئوقۇشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ماڭسا - تۇرسا كىتاب ئوقۇيتتى، ئاچىلىرىنىڭ يېنىغا كىرىپ دەرس تەكرارلايتتى، ئەتەنگەن - كەچلەردە باغقا ئاچىلىرى بىلەن كىرىپ قىلىچۋازلىق - نەيزىۋازلىقنى مەشىق قىلاتتى، ئەرەبچە سۆزلىشەتتى.
رەيھاندىن بۈگۈن ئەتەنگەن ئورداغا كېلىپ ئاغچى ئۇلۇغى خانىسەبكى جايىغا ئولتۇرۇشقا قاپۇقچى بېشى ئالدىراپ كىرىپ كەلدى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى ئۆزلىرىنى چاقىرىۋاتىدۇ، ئىتتىك بولسىلا.
دوقاقبەگنىڭ سالاملاشمايلا خاقاننىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈشىدىن، مۇھىم بىر ئىش توغرىسىدا مەسلىھەتنى ئالماقچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان رەيھاندىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
مەنسۇر بۇغرا قاراخان تەختكە يۆلىنىپ يانتۇ ئولتۇراتتى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىيلىرى، ئەزىز دەرگاھلىرىغا كېلىپ، ھەزرەتلىرى بىلەن دىدار مۇلاقات بولغىنىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇشالمەن، — رەيھاندىن ئوردا ئادىتى بويىچە تىزلىنىپ يەر ئۆپتى.
— مەرھەمەت، ئولتۇرۇڭ ئاغچى ئۇلۇغى، — مەنسۇرخان بىرىليانت كۆزلۈك ئۈزۈك سالغان قولى بىلەن يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنى كۆرسەتتى. چىقىپ كېتىڭ دېگەندەك مەنىدە يەنە شۇ قولىنى شىلتەپ قويدى. رەيھاندىن ئولتۇرۇشقا دوقاقبەگ چىقىپ كەتتى.
— رەيھانىدىنبەگ، ئارغۇن جالالىدىن ئاغچى ئۇلۇغى بولغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى بۇزۇپ — چاچقانلىقى، ئۆلكىمىزدىكى جايلاردىن ئەۋەتىلگەن باج — سېلىق، تارتۇق — سوۋغاتلارنى كەم مەلۇم قىلىپ خىيانەت قىلغانلىقى توغرۇلۇق يازغان مەلۇماتىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم. ئون تۈمەن سەر ئالتۇن قىممىتىدىكى بايلىقنىڭ خەزىنىمىزدىن كەملەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەر تولۇق ئىكەن. سىز خالىسلىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئادىللىق بىلەن خۇلاسە چىقىرىپسىز، بارىكاللا سىزگە، — دېدى مەنسۇرخان ئالدىرىماي سۆزلەپ.
— ئالىيلىرىغا رەھمەت، — رەيھانىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ تەزىم قىلدى.
— بۇ ئاچ كۆز نائىبقا دارغا ئېسىش جازاسىمۇ يېنىكلىك قىلىدۇ. سىزنىڭچە قانداق جازا بەرسەك بولار؟ — مەنسۇرخان قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى.
— خاقانىم، ئاچ كۆزلۈك ئادەمنى باغرى تاش، تەمەخور قىلىۋېتىدۇ. تەمەخور ئادەم پۇل — مالنى دەپ پادىشاھتىنمۇ، خەلقتىنمۇ، دوستىدىنمۇ يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلىدۇ. خوشامەت قىلىش — ئاچ كۆزلەرنىڭ ئادىتى، خىيانەت قىلىش — ئۇلارنىڭ كارامىتى، تەمەخورلۇق — تەبىئىتى. ئارغۇن جالالىدىن مانا شۇنداق ئادەم. ئۇنى ئاۋام ئالدىدا ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلىپ، ئوڭ قولىنى جەينەكتىن، سول پۇتىنى تىزىدىن كېسىپ تاشلاپ، ئاستانىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىش لازىم. پۈتۈن ئادەم بۇ مەلئۇندىن ئىبرەت ئالغاي!
مەنسۇرخان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. رەيھانىدىن تۇرۇپ قالدى.
— ئەلۋەتتە، شۇنداق جازا بەرسەك ھەق بولاتتى. ئەمما، ئارغۇن جالالىدىن ئۇزاق يىللاردىن بېرى ماڭا ساداقەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئالىپلاردىن. ھېسابات ئىشلىرىنى بىلمىگەنلىكى، خىزمىتىگە سەل قارىغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇنچە
كۆپ بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىگە يول قويغان. شۇنداق بىر ئىقتىدارسىز ئادەمنى مۇھىم خىزمەتكە قويغانلىقىمنى مەندىن ئۆتكەن سەۋەنلىك دېسەم، بۇ توغرا چىقىرىلغان خۇلاسە بولىدۇ. خەيرىيەت، ئۇنى بۇ كاتتا ئەمەلدىن قالدۇرغىنىم ئارغۇن جالالىددىنغا بېرىلگەن جازا. ئۇ يەنە ئىشچى بېشى بولۇۋەرسۇن. ئۆزى كۆچۈتۈكۈر، ھەزىلەكەش ئادەم، ھەم مېنى قوغدىيالايدۇ، ھەم خوش قىلالايدۇ. ئۇ قارلۇق ۋە چىگىل ئەمەس، باسمىل. بۇ ھەقتىكى گەپنى مۇشۇ يەردە تامام قىلايلى. سۆزىمىز ئەلگە يېيىلىپ كەتمىسۇن. ئەگەر ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلىماي يەنە سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدىكەن، سىز دېگەندىنمۇ ئېغىرراق جازاغا تارتىلىدۇ.
مەنسۇرخان كۈلۈپ تۇرۇپ ئارغۇن جالالىددىن توغرىسىدىكى گەپنى تۈگەتتى. چۈنكى، بۇزۇپ - چېچىلغان، خىيانەت قىلىنغان ئون تۈمەن سەر ئالتۇن قىممىتىدىكى بايلىقنىڭ يېرىمى مەنسۇرخاننىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەنىدى.
شۇنداق بولۇشىنى كۆڭلى تۇيغان رەيھاندىن خاننىڭ قارارىدىن ئەجەبلەنمەپ كەتمدى، خان ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئارغۇن جالالىددىننى قانات ئاستىغا ئالدى. زىيانلىق قىلمىشنى يوشۇرۇش زالىملارنىڭ تەبىئىتىدۇر. ئەلنىڭ قىلچە غېمىنى يېمەيدىغان بۇنداق پادىشاھتىن ھەر بالا كېلىدۇ. بۇ رەيھاندىننى چۆچۈتتى. ئۇ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ «ئوردىدىن ئايرىلماق» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ:
— ئالىيلىرى دانا، ئەلگە پايدىلىق ھۆكۈم چىقىرىش ئۆزلىرىنىڭ شان - شەرىپىدۇر، — دېدى.
— سىزنىڭ مېنى قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەرمۇ قارارىمنى بىردەك قوللاشتى. ئەمدى ئىككىنچى گەپكە — سىزنىڭ قىزىڭىز توغرىسىدىكى گەپكە كېلەيلى.
رەيھاندىن سەگەكلەشتى، نېمە دەيدىكىن دەپ سېلىنغان بېشىنى كۆتۈرۈپ خاقانغا قارىدى. ئۇ چوغدەك قىزىل گۆھەر
قادالغان ئالتۇن تاژنى چۆكۈرۈپ كىيگەن ھالدا تەخت ئۈستىدە گەدەيسىپ ئولتۇراتتى. تۇرقۇدىن مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلغىنىم قىلغان، دېگەن مەنا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
— بولۇنبەگنىڭ ئوغلى ئالىپ بوزاغۇ جاندارلىرىمنىڭ بېشى، ماڭا چەكسىز سادىق، غەيۇر يىگىت. ئۇ سىزنىڭ قىزىڭىزغا ئاشىق ئىكەن.
— ئاشىق ئىكەنلىكى يالغان، ئالىيلىرى، — رەيھاندىن خاقاننىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى، — ئۇ مەرھۇم ئەھمەد توغاندىن جەڭگاھتىن قايتىپ كەلگەندە، چوك قىزىمغا سۆز ئېچىپ باققان، ئاتىسى ئائىلىمىزگە ئەلچىمۇ ئەۋەتكەن. چوك قىزىمنىڭ تويى بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قىزىمغا قىزىقتى. ئائىلىنىڭ ئىراىدىسى بىلەن بۇ قىزىممۇ باشقا بىر يىگىتكە ياتلىق بولدى.
— ھە، ھېلىقى سىز ھۆر قىلىۋەتكەن قۇلغىمۇ؟
— شۇنداق ئالىيلىرى، — رەيھاندىن ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتتى، — ئۇ قۇل ئەمەس، ئاللا نەزىرىدىكى مەرد يىگىت، ئەركىن ئادەم!
— بىلدىم، ئەمدى ئالىپ بوزاغۇنىڭ ئۈچىنچى قىزىڭىزغا كۆزى چۈشۈپتۇ.
— بۇ ماڭا مەلۇم. بوزاغۇ يامان نىيەتتە نامەردلىك قىلىپ، دەريا بويىدا ئات مىنىپ ئويناۋاتقان بۇ نارسەندە قىزىمنى بۇلاپ كەتكەنىدى.
— قىز ئەپقېچىش بار گەپقۇ، رەيھاندىنبەگ.
— ياق، بۇ ئادەتتىكى ئەپقېچىش ئەمەس، كۈچ كۆرسىتىپ، پېقىرنى نائىلاج ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قىلىنغان سويقەست، ئالىيلىرى. مەن قىزىمنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، بولۇنبەگكە ئېنىق جاۋاب بەرگەنىدىم.
— خەۋىرىم بار. بوزاغۇغا قىزىڭىزنى ياتلىق قىلغۇدەك زادى يوقمۇ؟
— يوق، ئالىيلىرى، — كېسىپ ئېيتتى رەيھاندىن. — مەن ئەلچى بولۇپ سۇرسامچۇ؟ — قىزىمنى بەختسىز قىلىپ قويالمايمەن، ئالىيلىرى. پېقىرنى كەچۈرگەيلا. مەنسۇرخان ئۆلتۈرۈڭ دېگەن مەنىدە قول ئىشارىتى قىلدى. ئونىڭ بۇ ئىشى بىلەن رەيھاندىننى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرغۇسى يوق ئىدى. — بولدى، بۇ گەپمۇ مۇشۇ يەردە قالسۇن، ئەمدى يەنە بىر مۇھىم ئىش بار، — ئونىڭ چېقىر كۆزى قىسىلىپ، سارغۇچ ساقىلى تىكەنلەشتى، — مەن ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋاتىمەن، بۇ قارارىمغا ئەمدى قوشۇلىسىزغۇ دەيمەن. — ئاللانىڭ كۆڭلۈمگە سېلىشى بىلەن، مەن بۇرۇنلا قوشۇلمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەندىم، ئالىيلىرى. يەنە نېمىشقا يۈرۈش قىلماقچى بولۇپ قالدىلا؟ — مەن قۇدرەت تاپتىم، رەيھاندىنبەگ. غەزنەۋىيلەر پادىشاھلىقىدەك كۈچلۈك ئارقا تېرىكىم بار، ئەمدى يەنە نېمىدىن قورقۇپ يۈسۈپ قادىرخانغا يول قويىمەن؟ ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بارغىنىم بارغان! سۇباشلارغا يارلىق چۈشۈردۈم، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ تۈمەن لەشكەر سەپەرۋەر قىلىنىدۇ، بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر قارلۇقلاردىن بىر تۈمەن لەشكەر ئاتلاندۇرماقچى. غەربىي قاراخانىيلارنىڭ ئېلىكخانى — ئۆزكەنتتىكى ئىنىم مۇھەممەدخان بىر تۈمەن لەشكەر ئەۋەتمەكچى. جەمئىي بەش تۈمەن لەشكەر بىلەن ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ بارىمەن. قوشۇلمىسىڭىز مەيلى، ئاغچى ئۇلۇغى جاناپلىرى. رەيھاندىننىڭ بېشىغا ئاغرىق كىرىپ، چېكە تومۇرلىرى كۆپۈپ چىقتى، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، بويۇن — بېشىنى تەر باستى. ئۇ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇپ، بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ دېدى:
— خاقانىم، ئالىيلىرىنىڭ قارارىغا قوشۇلماي ھەددىم ئەمەس. مەن ئالدىراڭغۇلۇق قىلىنىپ، ئۆزلىرىگە زىيان زەخمەت يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. — بۇ قارارىمغا قوشۇلدىڭىزمۇ زادى؟ — قوشۇلدۇم، ئالىيلىرى. — سىز قوشۇلسىڭىزلا، قۇزۇئوردۇ، بارسخان، يەتتەسۇ دىيارىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىمۇ قوشۇلىدۇ، رەيھاندىنبەگ. قېرىنداش تۇرۇپ بىر بىرىمىزگە تىغ كۆتۈرۈشمىدۇق، دەپ قارارىمغا بويسۇنمايدىغان قەبىلە چۆگلىرىنى سىزلا ئۆندەككە كەلتۈرەلەيسىز. بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى سىز ھەرىكەتكە كەلتۈرۈڭ. ئوردۇكەنتنى ئالغاندىن كېيىن، سىزنى يوغروش بېشى قىلىپ كۆتۈرىمەن.
مەنسۇرخان رازى بولغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ تەختتىن چۈشتى. — ھەممىلىرىگە رەھمەت، خاقانىم. ئوردۇكەنتكە زادى قاچان يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋاتىدۇلا؟ — رەيھاندىن ۋاقىتنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئۈچۈن سورىدى. — خۇدا خالىسا قىش چىقىپ، گۈل گىياھلار يەردىن باش كۆتۈرگەندە سىز بىلەن بىللە ئاتلىنىمەن.
مەنسۇرخان رەيھاندىن بىلەن بۇغرا قاراخان سارىيىدىن چىقىپ، ھەرەم قەسرىگە كىرىپ كەتتى. رەيھاندىن ئىشخانىسىغا كىرىپ، خاقان بىلەن قىلىشقان سۆزلىرىنى بىرمۇبىر مۇلاھىزە قىلدى، قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تازا ئويلاندى. ئاندىن قېيىناتىسى شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللىنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە بۇغرا قاراخاننىڭ قارارىنى سۆزلەپ بەردى. داموللا: — بىرنەچچە يىلدىن بېرى تىنچ ئامان تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان ئەلنى يەنە يىغا باسىدىغان بوپتۇ، بالام. بۇ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولماسمۇ؟ — دېدى ئۆزۈن ساقىلىنى سىيپاپ.
بۇ سوئالنى ئادامتۇغرۇلمۇ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بەزى ئاقساقاللىرىمۇ سورىدى. رەيھاندىن ئۇلار بىلەن ئەتراپلىق سۆزلىشىپ مەسلىھەتلىشىشتى. قانداق قىلىش توغرىسىدا بىر پىكىرگە كېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. كېچە كىرىپ كەتكەنىدى. بۇلۇتلۇق ئاسماندا يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى. ئىزغىرىن شامال ھويلىدىكى دەرەخلەرنى ئىرغاشتۇرۇپ، ساپقى سېرىق قالغان غازاڭلارنى تۆكمەكتە ئىدى.
رەيھاندىن ئۆزىنىڭ يولىغا قاراپ ئايرىۋاندا ئولتۇرۇشقان ئاتا-ئانىسىغا سالام قىلدى، يابىرا كېلىپ تونىنى سالدۇرۇپ قولىغا سۇ بەردى، داستىخان سېلىپ تاماق ئېلىپ كەلدى. ئايتمىش بىلەن ئارچۇن ئاتىسىنىڭ ئىككى يېنىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېدى. يۈسۈپ بوۋىسىنىڭ قېشىدا ئولتۇردى.
رەيھاندىن ئاتىسىغا بۇغرا قاراخاننىڭ قارارىنى سۆزلەپ بەردى. بەگتۆمۈرمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا:
— بالام، بۇ يۈرۈشنى توسۇپ قالغىلى بولماسمۇ؟ — دەپ سورىدى.
— بۇغرا قاراخاننى بۇ نىيەتتىن ياندۇرالمىدىم، ئاتا. ئۇ سۇبېشى، يۇغرۇشلارغا يارلىق چۈشۈرۈپ بوپتۇ. ئۆزكەنتتىكى ئىنىسى مۇھەممەد ئىبلىكخان بىلەنمۇ تىل بىرىكتۈرۈپ بوپتۇ. غەزنەۋىيلەر پادىشاھى ياردەم بەرمەكچى بوپتۇ. مەنسۇرخان ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قاپتۇ. ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ تىلىمنىڭ ئۇچىدا قارارىغا قوشۇلغان بولدۇم، ئەمما كۆڭلۈمدە قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇپەسسەل بىر پىلان تۈزۈپ قويدۇم. خۇدا بۇيرۇسا، مەنسۇرخاننىڭ بۇ يۈرۈشى نەتىجىسىز، مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىنىدۇ.
— ئاللا تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزسۇن، بالام، — دېدى بەگتۆمۈر چىن قەلبىدىن.
بوۋىسى بىلەن ئاتىسىنىڭ گەپلىرىگە قىزىقىپ ئولتۇرغان يۈسۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپ، بىردىنلا:
— ئابا، بۇغرا قاراخان ئادەملەر بىر - بىرىنى قىرغىن قىلىدىغان جەڭگە نېمىشقا ئامراق؟ — دەپ سورىدى.
— تېخىمۇ كەڭ زېمىننى ئىگىلەپ، ئاۋامغا بولغان زۇلۇمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئوغلۇم!
رەيھاندىن ئۈچ كۈن پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئادار بىلەن يارۇقنى مەكتۈپ بىلەن تال ئۇرۇماستا قەشقەرگە يولغا سالدى. ئەتىسى ئادارنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەن قىزتۇرمىش باغقا كىرىپ ئۇزاققىچە يىغلىدى.
ئونىنچى باب: نورۇزدا بولغان قوش توي
1
ھىجرىيە 415 يىلى① نىڭ كۆكلىمى خېلىلا كېچىكىپ كەلدى. بۇنىڭغا جۇدۇن چاپقۇن كۆپرەك بولۇپ، كۈندە دېگۈدەك سېرىق قارنىڭ يېغىشى سەۋەب بولدى. سېرىق قار توختىسا بوران چىقىپ كوچا كويلاردا قويۇنتاز يورغىلاپ، ئاسمان زېمىننى چاڭ توزان قاپلاپ كېتەتتى. قار مۇزلارمۇ ئېرىپ بولالماي، ئېگىز سۈيى كېيىنرەك كەلگەچكە، دەل دەرەخ، گۈل گىياھلارنىڭ كۆكىرىشىمۇ بىر ئىككى ھەپتە ئارقىغا سۈرۈلدى. ئەمما، ئىسسىق ياقلارغا كەتكەن تۇرنا، غاز ئۆردەكلەر ئۆز ۋاقتىدا كېلىپ، ئىسسىقكۆل، چۇ دەرياسىنىڭ بويلىرى ھەر خىل قۇشلارنىڭ نەغمە ناۋاسى بىلەن جانلىنىپ كەتتى.
بەگتۆمۈر ئائىلىسىدە بالايىئاپەتتىن قۇتۇلغان قارلىغاچلار ئۇچۇپ يۈرگەندەك، كىچىك كىچىك بالىلارنىڭ شادلىق چۇقانلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. نورۇز سەھىرىدە، چوك كىچىك ھەممىلەن يۇيۇنۇپ، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشتى. ئاتىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، قويغان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، ساتىراشقا بىر تىللا، ئىككى نان بېرىپ سىكلىكىنى ئالدۇرۇۋەتكەن يۈسۈپ نورۇز بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى. ئۇ پاكىز يۇيۇنۇپ، قەشقەرنىڭ يۆك چەمىندە تىكىلگەن شىم پېشمەت ئۈستىگە يېشىل شايى توننى، بېشىغا بادام بۆكنى كىيدى. بېلىنى كۈمۈش
① مىلادىيە 1024 يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
كەمەر بىلەن باغلاپ، خەنجەر ئاستى. ئايىغىغا پۆپۈكسىز، نەپىس تىكىلگەن چورۇقنى ساپتى. ئۇ شۇ تۇرقىدا باياۋەتچە يىگىت بولۇپ قالغانىدى. يۇغان قارا كۆزلىرىدە چاقنىغان نۇر، ئاقۇچ قىزىل، سەل سوزۇنچاق يۈزىنى ئاپتاپتەك خۇش چىراي قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ ئادار، يارۇقلار بىلەن كۆل بويىدا قىلىچۋازلىقنى مەشىق قىلىشقا كىرىشتى.
ئايتمىش، ئارچۇن ئاچا - سىڭىل قىزتۇرمىش ۋە باشقا دەدەك قىزلار بىلەن ھاممامدىن چىقىپ، خاس ئۆيدە ياخشى دەزماللانغان يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشتى، چۇقىرىشىپ خۇشال ھويلىغا چىقىشتى، ئايتمىش ئەسلىگە كېلىپ خېلىلا ئېچىلىپ قالغانىدى. بۇ يىل ئون تۆتكە كىرىپ رەسەدە بولغان بۇ قىز تېخىمۇ بوي تارتىپ زىلۋالىشىپ ئۇياتچان بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ بېلىگە چۈشىدىغان بىنەپشە رەڭ ھېلىھېلى رومال بىلەن گۈزەل قامىتىنى يوشۇرغان ھالدا كۆل بويىغا يېقىنلاشتى. ئارچۇن سەكرەپ ئويناپ كېلىۋاتاتتى. قىزتۇرمىش گۈللۈك رومىلىنى سەل قايرىپ، بويانقار بىلەن قىلىچۋازلىق قىلىۋاتقان ئادارغا سېغىنىش نەزىرى بىلەن تەلمۈرۈپ قەدەم باسماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆك ئاسماندەك تۇنۇق كۆزلىرىدىن زىبا بەستىگە سۆيگۈ چىشقىنلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
يۈسۈپ قىلىچنى كۆل بويىدىكى ئارچا دەرىخىگە يۆلەپ قويۇپ ئاچىلارغا سالام بەردى، بىر - بىرىنىڭ نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلەشتى. ئايتمىش بويىلوق، تۇرقىدىن كەم سۆز، ئېغىر - بېسىقلىقى بىلىنىپ تۇرغان يارۇققا رومال ئىچىدىن قاراپ ئېغىر تىندى. نېمە ئۈچۈندۇر يىگىتنىڭ يۈرىكى سېلىپ، ۋۇجۇدى ئوت ئالغاندەك بولدى. ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن، دەپ قىزغا تىكىلىپ قارىمىدى. ئادار بولسا ئۆزىگە ئوخشاش قول - دەدەك قىزتۇرمىشقا ئاشىقانى نەزەر بىلەن تىكىلدى. قىز كۆزىنى ئېلىپ قاچماي، يىگىتنىڭ باشتىن - ئايىغىغا سەپ سېلىپ كۆڭلىنى بىلدۈردى.
ئادار بىلەن يارۇق قەشقەردىن باش ئەتپىيازدىلا قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپتا: «رەيھان دىنبەگ، يازغانلىرىڭىزدىن ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى چۈشەندىم. مەنسۇرخان ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، قوزغۇردۇغا لەشكەر تارتىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم. جىددىي تەييارلىق بىلەن بولۇۋاتىمەن. ئۇ ئاسىيغا ئەمدى يول قويمايمەن! مېنى قوللايدىغان ياغما، قارلۇق، چىگىل، ئوغرۇق، باسمىل قاتارلىق قەبىلە ئەھلىگە سالامىمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىز…» دەپ يېزىلغانىدى. كۆڭلى تەسكىن تاپقان رەيھان دىن بالاساغۇندىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن مەسلىھەتداش، ئىشەنچلىك باشلىقلىرىغا بۇ سالامنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بېرىشىغا قارشى بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر — رەيھاندىنبەگ، شەيخۇلىسلام ئابدۇللا داموللا، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل، ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد بارسغانى، ھەرەملىكى بەگتۇتۇق، چىگىل ئارسلانخانى ئىنائچۇق تېگىن، ۋەزىر تېلتۆمۈر باشلىق ئابرۇيلۇق كىشىلەر يوشۇرۇن ھالدا ئۇيۇشۇۋاتاتتى. ئۆدەنمىش، بويانقارلار ياشلار ئىچىدە كۈچ توپلاۋاتاتتى. بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغان مەنسۇرخان ئىنىسى مۇھەممەد ئېلىكخان ئەۋەتكەن بىر تۈمەن لەشكەرنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر بولسا تېخى بىر تۈمەن لەشەرنى تەييار قىلالمىغانىدى. شۇڭا، ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بېرىشنىڭ ۋاقتى ئارقىغا سۆرۈلۈپ كەتكەنىدى…
ئادار بىلەن يارۇق قىزلارغا قەشقەردىن ئۈزۈك، تارغاق قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئېلىپ كەلگەنىدى. ئادار قىزتۇرمىشقا ئۆزى بەردى. يارۇق ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇ ئادارغا ئۆزىنىڭ ئايتېمىشنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى، لېكىن بۇ چاغقىچە قىزغا گەپ قىلىپ باقمىغىنىنى ئېيتىپ بەردى.
— سەندە يولۋاسنى باش ئەگدۈرگۈدەك جاسارەت بولغان بىلەن، ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنى ئۆزۈڭگە مايىل قىلغۇدەك جۈرئەت يوق ئىكەن. بويانقارمۇ قول ئېلىپتۇ؟ جۈرئەتلىك بولغاچ قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنىپ ئايسىلىگنى ئالدى. سەن نېمىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن؟ بوپتۇ، جۈرئەت قىلالمىساڭ، سوۋغىنى قىزتۇرمىش ئارقىلىق بەر. ئۇ ئايتمىش بىلەن سىردىشالايدۇ، — دېدى ئادار ئۆزۈك بىلەن تارغاقنى يارۇقنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ.
سوۋغات قىزتۇرمىش ئارقىلىق بېرىلدى. يارۇق بىرنەچچە كۈنگىچە قاتتىق تىل ئىشتىشتىن ئەنسىرەپلا يۈردى. يەنىلا ھېچكىمدىن قاتتىق — يىرىك گەپ چىقمىدى. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن ئۇ ئايتمىشنى كۆرگەندە ئۇنىڭ سالىمىغا بېشىنى ئېگىپ جاۋاب قايتۇردى، قىزمۇ نازاكەت بىلەن ئېگىلىپ، رومال ئىچىدىن مېھر بىلەن تىكىلدى…
يۈسۈپ ئاچىلىرى بىلەن ئىچكىرىكى ھويلىغا قاراپ ماڭدى. كۆڭلى تىنغان ئادار يارۇقنىڭ قولىدىن تارتىپ باغقا كىرىپ كەتتى.
يۈسۈپ ئىككى ئاچىسى، قىزتۇرمىش بىلەن بىللە كىرىپ، سارايدا خوشال ئولتۇرۇشقان بوۋىسى، مومىسى، ئاتا — ئانىسىغا سالام بەردى. ھەممەيلەن ئۇلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلىدى. رەيھاندىن يۈسۈپكە ئەبۇنەسر فارابىنىڭ «ئەقىل ھەققىدە» دېگەن كۆچۈرۈلمە كىتابنى تەقدىم قىلدى.
— ئوغلۇم، بۈگۈ بىلگە فارابى ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ كىتابى دىلىڭنى يورۇتۇپ، ئىنسانلىق بۇرچۇڭنى ئۆزۈڭگە تونۇتقاي، كىشى قارا فارابى ھەزرەتلىرى ۋاپات بولۇپ قاراڭغۇ يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىتابلىرى ھاياتلىق ئالىمىنىڭ ئۆچمەس مەشئەللىرىگە ئايلىنىپ، ئىنسانلارنى نادانلىق زۇلمىتىدىن قۇتۇلدۇرماقتا. ئوغلۇم، سېنىڭمۇ ئەنە شۇنداق بىر بىلىك پۈتۈپ چىقىشىڭنى ئارزۇ قىلىمەن، — دېدى رەيھاندىن
ئۈمىدلىك نەزەردە ئوغلىغا قاراپ. — رەھمەت ئابا، مەرھۇم بۈيۈك بىلگە فارابى ھەزرەتلىرىنى غايبانە ئۇستاز تۇتۇپ بىلىم ئىگىلەيمەن، — يۈسۈپ قەسەم قىلغان تەرزدە كىتابنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى. زەمىران ئانىنىڭ نورۇز شەرىپى ئۈچۈن ئەھۋاللارغا ياغ پۇرىتىپ پىشۇرغان قويماقلىرى تەخسىلەرگە ئېلىنىپ داستىخانغا قويۇلدى. يېرىم قاچىچە ئىدىشلاردا يېتىشتۈرۈلگەن بۇغداي ئۈندۈرمىسىدە، توشقان گۆشى، قوينىڭ قۇيرۇق مېيى، چامغۇر، سەۋزە سېلىپ ئېتىلگەن چوڭ بىر قازان نورۇز ئېشى ھېجىرلاردى داستىخانغا كەلتۈرۈلدى. — مېنىڭ يەنە ئىككى بالام يوققۇ، ئۇلار مەرىكە مەيدانىغا كەتتىمۇيا؟ — دەپ سورىدى رەيھاندىن ھويلىغا سەپشىلىپ. — ئابا، ئىككى بالام دېگەنلىرى كىملەر ئۇ؟ — سورىدى ئورنىدىن تۇرغان يۈسۈپ. — ئاداش بىلەن يارۇق بولمامدۇ، ئوغلۇم، ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسەن؟ — بىلمەيمەن، ئابا، چاقىرىپ كېلەي. يۈسۈپ ئۇلارنى باغدىن تېپىپ باشلاپ كىردى. — كېلىڭلار، بالىلىرىم، — رەيھاندىن ئۇلارنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، — سىلەر گۆدەك چاغلىرىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولدۇڭلار، — رەيھاندىن بىر لېگەندە قويماق بىلەن ئىككى ھېجىردىكى نورۇز ئېشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى. كىچىك چاغدا قول بازىرىدىن سېتىۋالغىنىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىشنى خالىماي، بۇ ۋاقىتقىچە بەجاندىل خىزمەت قىلىشىپ كەلگىنىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، — سىلەر قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولۇپ كەلدىڭلار، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش، قىلىچۋازلىقتا ياساۋۇل — نۆكەرلەردىن قېلىشمايسىلەر، ئائىلىمىزنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلدىڭلار، رەھمەت بالىلىرىم!
رەھمەت! رەيھاندىن كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئادار بىلەن يارۇقنىڭ باشلىرىنى سىلىدى، سىلەر ماڭا بالا بولۇشنى خالامسىلەر؟
ئىككى يىگىت دەس تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى:
جانابلىرى، بۇ چاغقىچە ئۆزلىرىنى ئاتىمىز دەپ بىلىپ كېلىۋاتىمىز.
ئولتۇرۇڭلار، ئولتۇرۇڭلار بالىلىرىم، رەيھاندىن، ئولار يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، باشلىرىدىكى قۇلۇلىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان قارا بۆكلەرنى ئېلىپ، كۆرىپنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ يابراغا قارىدى، ئۇ ئاللىبۇرۇن تەييار قىلىپ قويغان يېڭى كىيىم كېچەكلەرنى پەتنۇستا ئولارنىڭ ئالدىغا قويدى. زىرەكلىك بىلەن كۆز سېلىپ ئولتۇرغان يۈسۈپ دەرھال تۇرۇپ پەتنۇستىكى ئىككى بادام دوپپىنى ئادار بىلەن يارۇققا كىيدۈردى. بۇ ئولارنىڭ ھۆر ئادەم بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. ئادار بىلەن يارۇق تۇيۇقسىز ھۆرلۈككە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىشتى، رەيھاندىننىڭ «بالىلىرىم» دېگەنلىكىنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەندى. ئادارغا قارىغان قىزتۇرمىشنىڭ قوي كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئايتمىش بادام دوپپا كىيىپ چوغلاندەك قىزىرىپ ئولتۇرغان يارۇققا يەر ئاستىدىن كۆز سېلىپ، ئۆزىمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقاندىن ئەزا تارتىپ قالدىمىكىن، يېنىدا ئولتۇرغان ئانىسىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى تىرەپ ئۇياتچان كۆزلىرىنى يوشۇردى. ئۇ قاشلىق، خۇددى ئاشۇ قېشىدەكلا سەل ئەگمە قارا بۇرۇتلۇق، ئات يۈز، تەمبەل يىگىتكە شۇدەم بۆلەكچە مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتاتتى. «ئاپام، نېمىشقا ئۇنى بالام دەيدىغاندۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر گەپ بار» دەپ ئويلاپ قىزتۇرمىشتەكلا شېرىن تۇيغۇغا چۆمۈلدى.
ئايتمىش ئويلىغاندەك، رەيھاندىننىڭ بۇ نورۇز بايرىمىدا ئىككى قۇل يىگىتنى «بالام» دەپ ئاتىشىدا ھەقىقەتەن گەپ بار
ئىدى. يارۇققا ئايتىمىشنى بېرىپ ئۇنى ئۆزىگە بويانقاردەك كۆيۈمچان قىلىۋالماقچى، ئۆز قىزىدەك بولۇپ قالغان قىزتۇرمىشنى ئادارغا ئېلىپ بەرمەكچى ۋە بۇ ئىككىلەنگەن توينى بىر كۈندە قىلماقچىدى. بۇ نىيەتنى بولۇنباگناڭ ئۆيىدىن ئايتىمىشنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئاشۇ ئاخشاملا كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئاتا - ئانىسى، يابىرا بىلەن بۇ توغرىلۇق مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ، توينى نورۇز بايرىمىدا قىلماقچى بولغانىدى. ھالبۇكى، قىز - يىگىتلەر باشلىرىغا قونماقچى بولۇۋاتقان تەلەي قۇشىدىن خەۋەرسىز ئىدى. يابىرا بىر پەتنوستا قىزىل ھېلىھلە رومال، ئەتلەس كۆڭلەك، تەنلەر جىلىتكە ئېلىپ چىقىپ قىزتۇرمىشنىڭ ئالدىغا قويدى، ئايتىمىش قىزتۇرمىشنىڭ بېشىدىكى قارا سارغۇچنى ئېلىۋەتتى ۋە رومالنى تارتىپ، ئۇنىڭ ئىللىق قىزىللىق يۈگۈرگەن مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى. بۇ قىزتۇرمىشنىڭمۇ ھۆرلۈككە چىققانلىقىنى بىلدۈرەتتى.
— بالىلىرىم، چۆ دەرياسى بويىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نورۇز مەركىسى باشلىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشىدىغان بۇ خاسىيەتلىك كۈننى ئاۋام ئالدىدا جاسارەت - جۈرئىتىڭلارنى نامايان قىلىپ كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. ماقۇل، سىلەرگە رۇخسەت، قىزلارنى بىللە ئېلىپ مېڭىڭلار. سىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ قويدۇق. ئاتلىرىمىز ياخشى، سىلەرنى يەرگە قارتىپ قويمايدۇ. مەنمۇ ئاباملارنى ئېلىپ كەينىڭلاردىن بارىمەن.
رەيھاندىننىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن بەگتۆمۈر دۇئاغا قول كۆتۈردى.
2
رەيھاندىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆ دەرياسى بويىغا
كەلگەندە، نورۇز مەركىزىگە يىغىلغان خالايىق مەرىكە مەيدانىنى چۆرىدەپ سەپراس بولۇپ تۇرۇشقانىدى. ئەمدىلا ئاتتىن چۈشكەن مەنسۇرخانمۇ ئۆزىگە ئاتاپ ياسالغان ھەشەمەتلىك بارگاھتا تەخت ئۈستىگە چىققانىدى. ئارسلانخان، ئېلىكخانلار، يۇغرۇش، يابغۇلار، چاغرىبەگلەر، تارخانبەگلەر ئۇنى چۆرىدەپ تۇرۇشتى.
رەيھاندىن ئاتا - ئانىسىنى قىزلىرى بىلەن يۈسۈپلەر تۇرغان يەردە قويۇپ، مەنسۇرخاننىڭ توققۇز توغلۇق بارگاھى ئالدىدا سالام بەجا كەلتۈرۈپ تىز چۆكتى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، قۇتلۇق نورۇز مەرىكىسىنى باشلاشقا ئەمر قىلغايلا.
مەنسۇرخان ئونىڭغا قىزىل توغنى ئۇزاتتى. رەيھاندىن نورۇز مەرىكىسىنى باشلاش بەلگىسى بولغان، توتېم سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۈمۈش ساپلىق بۇ توغنى قولىغا ئالغاندا، بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەرنىڭ كۆزلىرى چەچچەپ، تاتىرىپ كېتىشتى. بۇغرا قاراخاننىڭ كەينىدە جاندارلار بىلەن تۇرغان بوزاغۇنغۇمۇ ئېچ - قارنى مۇچ يېگەندەك ئېچىشىپ كەتتى.
تۇرۇق ئارغىماققا مىنگەن رەيھاندىننىڭ ئىشارىتى بىلەن ئۆدمىش بىلەن بويانقار قۇيرۇقىغا قىزىل لېنتا، ئېگەرنىڭ قوش بېشىغا قۇتاز قۇيرۇقى چىگىلگەن ئاتلىرىنى دەپتىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مەيدانغا كىردى. رەيھاندىن قولىدىكى توغنى ئېگىز كۆتۈرۈپ لەپىلدىتىپ، نورۇز مەرىكىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۈنسىز جاكارلىدى. توغقا كەشتىلەنگەن توتېم گويا ئۇچۇپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئادەملەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى. بۇ ئۈنسىز جاكار بىلەن تەڭ چەۋەندازلار، مەرگەنلەر، پالۋانلار مەيدانغا كىرىشتى. بەسلەشكۈچى باتۇر يىگىتلەر قىلىچ - نەيزىلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشتى. سوقۇشتۇرۇلىدىغان قوچقارلارنىڭ بوينىلىرىغا قىزىل لېنتا باغلاندى، خوراز، كەكلىك، بۆدۈنلەر بىر - بىرىگە خىرىس قىلىشىپ، بازىلىشىپ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە جەلب قىلدى…
ئاق ئات مىنگەن ئادار ئېتىنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن جايدىن بىرىنچى بولۇپ بارگاھ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئونلىغان قىز تاشلىغان ياغلىقتىن قىزىلمۇچنىڭ ياغلىقىنىلا تۇتۇۋالدى. مەنسۇرخان ئۇنىڭغا كەڭتاشا تەقدىم قىلىشنى رەيھاندىنغا بۇيرۇپ سورىدى:
— ئاغىچى ئۇلۇغى، بۇ يىگىت قايسى قەبىلىدىن، كىم بولىدۇ؟
— ئالىيلىرى، بۇ ئالىپ يىگىتنىڭ ئېتى ئادار، ئوغرۇق قەبىلىسىدىن، ماڭا كۈيۆئوغۇل بولىدۇ، — رەيھاندىن ئۇنى تونۇشتۇرۇپ، بەقەسەم توننىڭ يانچۇقىدىن سەمەرقەنت قەغىزىگە خۇش خەت بىلەن يېزىلغان توي باغقىنى ئېلىپ مەنسۇرخانغا سۇندى، خان باغاقنى ئېلىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەزىز مۇكەررەم ئەل بېگى خاقان — بۇغرا قاراخان شاھىنشاھ مەنسۇرخان بىننى ئەلى ئارسلانخان ئالىيلىرى: ھىجرىيە 415 — يىلى ① رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 11 — كۈنى دۈشەنبە، مەرھۇم ئوغرۇاقبەگ كۆك ئايىق ئارسلانبەگ ئوغلى رەيھاندىن بەگتۆمۈر ئوغلى پەرەنتلىرىنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ، ھۆرمەتلىك ئاتا، مېھمانلارغا باشپاناھ بولۇپ بەركەيلا.
كامالى ئېھتىرام، ئالىي سالام بىلەن:
رەيھاندىن بىننى بەگتۆمۈر بىننى كۆك ئايىق بەگبۇقا»
— ئوھو، بۇ توينى نورۇز بايرىمىنىڭ قۇتلۇق كۈنلىرىدە قىلماقچى بوپسىز — دە، ئاغىچى ئۇلۇغى؟! مۇبارەك، مۇبارەك، — باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى مەنسۇرخان چىپلىشىۋاتقانلارغا كۆز سالغان ھالدا، — كۈيۆئوغۇللارنى ياخشى
① مىلادىيە 1024 — يىلى 3 — ئاينىڭ ئاخىرىغا توغرا كېلىدۇ.
تاللايسىز. بۇ كۈيۆئوغلىڭىزمۇ جاندار قىلىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ. قاراق، قاراق، ئاۋۇ چېلىشىۋاتقانلارغا، مەنسۇرخان قولى بىلەن بەل تۇتۇشۇپ بىر بىرىنى يىقىتماقچى بولۇۋاتقان ئىككى يىگىتنى كۆرسەتتى، ئاتتى، كۆتۈرۈپ ئاتتى. ئەجەب چەبدەس يىگىت ئىكەن. ئۇ يىگىتنى ئاتقان بويىلوق پالۋان كىم بولىدۇ؟
بۇمۇ كۈيۆئوغلوم بولىدۇ، ئالىيلىرى. ئىسمى يارۇق، قىپچاقلاردىن، ئۆز تەربىيەمدە چوڭ بولغان. ئاللا خالىسا ئەتە ئۇنىڭمۇ نىكاھى بولىدۇ، رەيھاندىن قويۇن يانچۇقىدىن يەنە بىر باغاتنى چىقىرىپ سۇندى.
مانا، مانا، قوش توي قىلىدىكەنسىز دە، بۇ توي قانچە كۈن داۋاملاشماقچى؟
بۈگۈن خاسىيەتلىك يېڭى يىل باشلانغان قۇتلۇق كۈن. بۇ مۇبارەك كۈندىكى كاتتا مەرىكىگە يىگىتنى رىياسەتچى قىلىپ قويدىلا، شۇڭا بۇ يېڭى يىل كۈنىنى ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقىنىمىزدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. توي ئاللا بۇيرۇسا ئەتەدىن باشلاپ يەتتە كۈن بولىدۇ، رەيھاندىن قىزلار تاشلىغان ياغلىق بويۇن باشلىرىغا يۆگىشىپ قالغان يارۇققا پەخىرلەنگەن ھالدا قاراپ جاۋاب بەردى.
سىز ئاغىچى ئۇلۇغى، مېنىڭ ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىدىغان كۈنۈمنىڭ يېقىنلاشقىنىنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ تەييارلىقىنىڭ قانداق بولۇۋاتقىنىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ تەھقىقلەپ چىقىڭ. بولۇنبەگ، دوقاقبەگلىرىمۇ مۇشۇ ئىش بىلەن ئالدىراش. قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. تويىنمۇ ئوبدان ئۆتكۈزۈڭ، بۇ كاتتا يۈرۈشكە تەييارلىقمۇ نۇقسانسىز قىلىنسۇن! مەنسۇرخان قول باغلاپ تۇرغان رەيھاندىندىن جاۋاب كۈتۈپ تىكىلدى.
باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى. خاتىرجەم بولسىلا، دوقاقبەگ، بولۇنبەگلەرگە ياردەملىشىپ، بۇ يۈرۈشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى
ئۈچۈن يالغۇز جېنىمنى ئايىمايمەن. — بېرىڭ، يېڭىپ چىققان ئالىپلارغا، پالۋانلارغا كۆپ ۋە بىر تاۋاقتىن تىللا ئىنئام بېرىڭ. — خوپ، ئالىيلىرى. رەيھاندىن كېچىكچە يېڭىپ چىققان پالۋان، بىرىنچى بولغان مەرگەن، قىلىچۋاز — نەيزىۋازلارغا، قوچقار، كەكلىك، خوراز ئۇرۇشتۇرۇشقا بېغىشلانغان مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولغانلارغا بۇغرا قاراخان نامىدىن خىلئەت، ئىنئام تەقدىم قىلىندى. ھەر يىلى بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ كەلگەن ئۆتمۈش، بويانقارلار بۇ نورۇزدا رەيھاندىن ياردەملىشىپ بېسىلىشىپ قالدى. رەيھاندىن بۇ ئىككى كۈيۆئوغۇلغا مەركەزنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كەبى مەسئۇلىيەتلىك ئېغىر ئىشلارنى ئۆگىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا زورلىمىغانىدى. بويانقار، ئۆتمۈشلار پائالىيەت ئاخىرلىشىپ قالاي دېگەندە، توي باغلارنى ئاتلىق چېپىپ يۈرۈپ تارقىتىپ بولدى. يۈسۈپ دوستلىرى بىلەن گاھ مەيداننىڭ بۇ بېشىغا، گاھ مەيداننىڭ ئۇ بېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ چەۋەنداز، مەرگەن، پالۋانلارنىڭ ماھارەتلىرىنى قىزىقىپ كۆردى. ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى شائىرلارنىڭ نەزمىلىرى ئىچىدە ئۇستازى ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم ئوقۇغان «نورۇزنامە» بولدى.
نورۇز كەلدى، زېمىن يېشىل تون كىيدى، بۇلۇت يېرىپ چىقتى كۈن، قىلدى سەيرى.
ئېرىپ كۆك مۇز، كەلدى تورنا تىزىلىپ، بەزمە قۇردى گۈل شاخىدا ئېچىلىپ.
كۈلدى بوۋاي، كۈلدى موماي شادلاندى، ئەر — يىگىتلەر قىزغا باقتى، ئاتلاندى.
لەھلىلىمەي سەگەك، ھوشيار تۇرۇڭلار، ياۋ يىغلىسۇن، ناخشا ئېيتىپ كۈلۈڭلار.
نورۇز كەلدى جۈرئەت بېرىپ ياشلارغا، ئوسما قويۇپ نازلىق ئەگىم قاشلارغا.
يېڭىلايلى ئېتىمىزنى بىلىكتىن، كۈچلىنەيلى بىلىك دېگەن يىلىكتىن.
يولىمىسۇن ئېلىمىزگە ياۋ ھامان، ياشايلى بىز قۇچۇپ زەپەر شاد ئامان.
— ياشاپ كەت كىشى قارا! — ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن كاتتا ئۇستاز! — بېشىدىن تىللا چېچىڭلار، ئايىغىغا گۈل تاشلاڭلار! — چۇقان سېلىپ بارىكاللا ئېيتىۋاتقان خالايىقنىڭ ئالدىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتكەن يۈسۈپ ئۇستازىنىڭ يېنىغا بېرىپ تىزلاندى. — كىشى قارا، سىلى ئوقۇغان «نورۇزنامە»نى يادلىۋالسام بولامدۇ؟ — دېدى ئۇ شېئىر يېزىشقا ئىشتىياق باغلاپ. ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىدىن ھەۋەس ئۇچقۇنلىرى چېچىلدى. — بولىدۇ، يۈسۈپ. ئاۋۋال بىلىك ئۆگەن، پىكرىڭ ئېچىلسۇن. ئەرەب، ئەجەم، تۈركىي تىللارغا كامىل بولغىن، ئەقلىڭ يېتىلسۇن. ئاندىن نەزم يېزىشنى مەشىق قىلغىن. قارىغاندا، ئەشئار يېزىشقا ئىشتىياق چۈشكەن ئوخشايدۇ، — مەھدۇم يۈسۈپنىڭ قوللىرىدىن تارتىپ تۇرغۇزدى، ئۇستازلىق مېھرى بىلەن بېشىنى سىلىدى ۋە «نورۇزنامە»نى بەردى، — بارغىن، يادلىۋال، ئاندىن سەمۇ بىر «نورۇزنامە» يازغىن. يۈسۈپ «نورۇزنامە»نى كۆتۈرگىنىچە يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بىر كۆزى مەيداندا، بىر كۆزى «نورۇزنامە» دە، پېچىرلاپ ئوقۇپ
بىردەمدىلا يادقا ئېلىۋالدى.
رەيھاندىن ئۆيگە كەلگەندە داستىخان سېلىنىپ بولۇنغانىدى. داستىخان ئۈستىدە يۈسۈپلا يوق ئىدى. ئايتىمىش، قىزتۇرمىشمۇ ئۆز خانىلىرىدىن چىقىشمىغانىدى، ئەتە نىكاھى بولىدۇ - دە، ئايتۇلۇن، ئايسىلىگلەر، قېيىنئاتا - قېيىنئانىلىرى، ئەرىلىرى بىلەن نورۇز ئېشىمنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەنىدى. يابىراننىڭ ئاتىسى بەگتاش ئابدۇللا داموللا تۆردىن، ئانىسى بۈۋى گۈلسۈم ئاغىچا زەمىران ئانىنىڭ يېنىدىن جاي تۇتقانىدى.
بۇ چاغدا يۈسۈپ باغ ئىچىدە ئاداشلىرى بىلەن نورۇز كېچىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. كۆكۈم چۈشكەنىدى. ئۇلار بۇ كېچىنى قاپاق كۆيدۈرۈپ، «نورۇزنامە» ئوقۇپ كۈتۈۋالماقچى ئىدى.
يۈسۈپلەر ئۈچ تال ئۇزۇن ياغاچنىڭ ئۇچىغا ياغلىق قاپاقنى چىڭ باغلاپ تەييار قىلىپ، شاپتۇل دەرىخىگە يۆلەپ قويدى.
— ئۇكام، سېنى ئاباملار چاقىرىدۇ، — دېدى ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەن ئارچىن، — ئاداشلىرىڭ بىلەن نورۇز ئېشى ئىچىۋالغىن.
يۈسۈپ ئاداشلىرى بىلەن پېشايلاندا ئولتۇرۇپ نورۇز ئېشى كۆجىدىن ئىچىشتى. كۆكباشنى قېرىپ سۈتتە پىشۇرۇپ ئەتكەن بۇ تاماق بالىلارنى تەرگە چۆمۈلدۈردى. ئارقىدىن ئىككى لېگەندە ئېلىپ چىققان كۆك چۆچۈرىسىنى يېيىشتى. توغقانلىرى بىلەن نامازشامنى ئوقۇپ چىققان رەيھاندىن دۇئا قىلىپ بەردى:
— بۇ قۇتلۇق يېڭى يىلدا ئاللا سىلەرنى ئەقىل - پاراسەتتە كامال تاپتۇرسۇن، ئامىن!
— ئامىن!
— ئەمدى چىقىپ ئويناڭلار.
باللار ھېلىقى ئۇزۇن ياغاچلارغا ئورنىتىلغان ياغلىق قاپاقلارغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا نورۇز كۈيىنى ياڭراتتى:
نورۇز كەلدى تويدۇڭلارمۇ؟ ئېتىزغا سۇ قويدۇڭلارمۇ؟ ئىچىك كۆجە، سۈمۈلەكنى، بەلگە قويۇچ تۆكتۈڭلارمۇ؟
ھەربىر كوچا - مەھەللىلەردىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ھەتتا ياش يىگىتلەرمۇ نورۇز كېچىسىگە ئالاھىدە تەييارلىق قىلىشقانىدى. بەزىلەر ئۆيلىرىدىكى ھارۋا - مەپىنىڭ چاق - ئوقلىرىنى ياغلايدىغان ياغلىق قاپاقلارنى، بەزىلەر يولدا توختىتىپ قويۇلغان ھارۋىلارنىڭ ياغلىق قاپاقلىرىنى ئوغرىلىشىپ كۆيدۈرۈپ، بۇ قۇتلۇق كېچىگە ئوتلۇق گۈلدەستە سۇنماقتا ئىدى. ئۆي - ئۆيدىن چىققان بالىلار ئۇلارغا قوشۇلۇپ، نورۇز كۈيلىرى بارغانسېرى ئاۋۇپ باراتتى.
نورۇز كەلدى، كۈلكە كەلدى، كۆك ياللىق بۆرە كەلدى. خۇش بولۇڭلار بوشلار①، قوللار، ياغۇغا يىغا تۈندە كەلدى.
لاۋۇلداپ ئۇچقۇن چاچرىتىپ كۆيۈۋاتقان بالاساغۇن كۆكىدىكى يۇلتۇزدەك ياغلىق قاپاقلار قۇتلۇق نورۇز كېچىسىدە گۈزەل مەنزىرە بەرپا قىلغانىدى. ئىشىك ئالدى، ئۆگزىلەرگە چىقىپ قاراپ تۇرۇشقان ئاتا - ئانىلارنىڭ قەلبى خۇشلۇق ۋە ھاياجانغا تولدى. ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ لەرزان خۇشال ساداسىغا قۇلاق سالاتتى:
نورۇز كەلدى، بىلىك كەلدى، كۆڭۈلگە ئېيسىلىك كەلدى.
① بوشلار — ئەركىن ئادەملەر.
قارا قورساق ئۆلدى يىغلاپ، بۆگۈن بىزگە تەبرىك كەلدى.
يىراقتىن ئېشىتىلگەن بۇ نورۇز كۈيىگە قۇلاق سالغان رەيھاندىن: «ئى خۇدا، پەرەنتلىرىمىزنى زالىمنىڭ زۇلمىدىن ساقلاپ، ئارزۇسىغا يەتكۈزگىن!» دەپ ئىلتىجا قىلغان ھالدا ھويلىغا يېنىپ كىردى. ئۇ ئەتەكى توينىڭ تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرمىسە بولمايتتى.
ئون بىرىنچى باب: بۇغرا قاراخاننىڭ سوۋغىسى
1
نورۇز بايرىمىدىن باشلاپلا ھاۋا ئېچىلىپ، بوران - چاپقۇن پەسىپ قالدى. چۇ دەرياسىنىڭ دولقۇنلانغان سۈيى قىرغاقلارنى يالاپ ئۆركەشلىدى. گۈل - گىياھلار، دالا - دەرەخلەر يېشىل تۇس ئالدى. پادا - پادا ئات - كاللار، قوي - ئۆچكىلەر، سۈتلۈك خوشبۇي ئوتلار يېپىنغان يايلاقنى قاپلىدى. قۇرت - قوڭغۇزلار تىرىلىپ ئۇۋىسىدىن چىقتى.
باھارنى كۈيلىگەن كاككۇك، بۇلبۇللارنىڭ يېقىملىق ئۈنى ھەممە تەرەپتىن ئاڭلىنىدىغان، مەھەللە - كوچىلاردىن توي نەغمىسى، ناغرا - سۇناي ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، ساپان ھەيدىگەن دېھقانلارنىڭ ناخشىسى دالالارنى قاپلىغان ئىللىق كۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى. ئادەملەر ئاپتاپتىن قېچىپ سايە ئىزدەيدىغان ئىسسىق كۈنلەر كەلمەكتە ئىدى.
ھاۋادىكى توپا - توزان تۈگىگەن بولسىمۇ، نورۇز بايرىمىدا رەيھاندىنبەگ قىلغان قوش توي توغرىسىدىكى گەپ - سۆزلەر تېخى تۈگىمىگەنىدى. بەزى زەردارلار:
— نورۇزدىكى چېلىشىشتا پالۋان بولۇپ كۆتۈرۈلگەن يارۇق دېگەن يىگىت ئەسلىدە ئاغىچى ئۇلۇغنىڭ قۇلى ئىكەن، ئۇنى ئازاد قىلىپ ئۈچىنچى قىزىنى بېرىپتۇ، ئەجەب ئىش — ھە! — دېسە، بەزى سودىگەرلەر:
— ئادەم چىقمىغاندەك، قىزىنى ئۆزىنىڭ قۇلىغا بەرگىنىنى
دېمەيدىغان، دەپ ئىچى قارىلىق قىلىشتى.
ئوردىدىكى بەزى ئەربابلار:
ئات بەگلىكىدىن ئۆزۈپ چىقىپ كېدۇت ئالغان ئادار دېگەن يىگىتمۇ، ئۇ نىكاھىغا ئالغان قىزمۇ ئاغىچى ئۇلۇغنىڭ قۇللىرى ئىكەن. ئۇلارنى ئازاد قىلىپ، ئۆز پەرھەنتى قاتارىدا تويىنى قىلىپ بەرگىنىدە نېمە سىر باردۇ؟ دېسە، بەزى يۇغۇروش، ھاجىپلار:
بۇنىڭدا قانداق سىر بولاتتى؟ رەيھاندىنبەگ كاتتا زەردار، مەرد، سېخى زات. قۇللىرىنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز پەرھەنتى قاتارىدا كۆرۈپ تويىنى قىلغانلىقى ئالىيجاناب، پەزىلەتلىك مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟ ئاللا ئالدىدا قۇلدارمۇ، قۇلمۇ باراۋەر، دەپ رەيھاندىنغا ئاپىرىن ئېيتىشتى.
بالاساغوندىكى ھۈنەرۋەن، كاسىپ، تىجارەتچىلەر:
رەيھاندىنبەگ ئاللانىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ بېقىشقان زات. مېھرى شەپقەتلىك، كۆيۈمچان نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ چاغقىچە يېتىم يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىشى، پەرھەنت ئورنىدا كۆرۈپ تويىنى قىلىپ قويۇشى بەندىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ، تەڭرىنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشسە، بەزى ئۆلىما دانىشمەنلەر:
ئاللاتائالا رەيھاندىنبەگنى مەرد سېخى قىلىپ ياراتقان. قۇللىرىنى ئازاد قىلىپ تويىنى قىلىپ قويۇشى ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئاللانىڭ رىزالىقى ئۈچۈندۇر، دەپ تەرىپىنى قىلىشتى.
رەيھاندىن مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كەمىستى، دەپ رەيھاندىندىن ئاغرىنىپ يۈرگەن بولۇنبەگ زادى چىدىيالماي قالدى. ئۇ بۈگۈن ئەتەنگەندە سىم سىم يامغۇرغا قارىماي
ئوردىغا كېلىپ دىۋانخانىغا كىردى. ھېچكىم كەلمىگەندى. ئۇ بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، خاقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. دەسلەپ ئىشىكئاغىسى دوقاقبەگ كەلدى: — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يۇغرۇش بېشى، نېمە ۋەجىدىن بۇنچە ئەتتەنگەن كېلىپ قالدىلا؟ — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قاپۇغچى بېشى، خاقان ئالىيلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار ئىدى. — ئولتۇرۇسلا جاناپلىرى، خاقان بىلەن مەسلىھەتلەشمەكچى بولغان ئاشۇ مۇھىم ئىشتىن يېقىن ۋاقىپلىنىپ قالسا زىيىنى بولماس، — دېدى دوقاقبەگ مۇغەمبىرانە كۈلكە بىلەن. — يوقسۇ، قاپۇغچى بېشى، بۇ سىلىگىمۇ مەلۇم بولغان ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى ئىش. تەييارلىق پۈتتى، ئەمدى كېچىكتۈرسەك بولماسمىكىن. — ئىككىمىزنىڭ مۇددىئاسى بىر، يۇغرۇش جاناپلىرى. ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ بېرىشقا مەنمۇ ئالدىراۋاتىمەن. قارلۇق قەبىلىسىدىكىلەر تەييارلىنىپ بولدى، باشقا قەبىلىلەرنىڭمۇ تەييارلىقى پۈتكەندەك قىلىدۇ. جاناپلىرى، بۇ ھەقتە بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىغا قانداق مەسلىھەت بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇلا؟ — خاقان ئالىيلىرىغا، ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش تەييارلىقىنىڭ پۈتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ چاپسانراق يولغا چىقىش توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرمەكچىمەن. قاپۇغچى بېشى، سىلى كەمىنىلىك قىلىۋاتىدۇلا. بۇ جەھەتتە سىلىنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى مېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن تولاراق سىلى سۆزلەشتىلە. — رەيھاندىنبەگمۇ سۆزلەشتى، — گەپ قىستۇردى دوقاقبەگ ئۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ. — بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار، جاناپلىرى. بۇ قېتىم رەيھاندىنبەگ ئۆز مۇددىئاسىغا قارشى بىزنى قوللاپ، قەبىلە
باشلىقلىرىنى ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشقا دەۋەت قىلدى، بۇ بىزگە پايدىلىق. ئەمدى ئۆزلىرىمۇ خاقانغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، تېزرەك ئاتلىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ قويسىلا، بولمىسا رەيھاندىنبەگ ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ، يۈرۈش قىلىشنى ئارقىغا تارتىشى مۇمكىن. ئونىڭغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ… — بولۇنبەگ دىۋانخانىنىڭ ئىشىكىدىن جاندارلارنىڭ مۇھاپىزىتىدە ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەلگەن مەنسۇرخاننى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپتى. مەنسۇرخان يېقىن كەلگەندە، دەرھال ئۆزىنى يانغا ئېلىپ، تونىنىڭ پېشلىرىنى باستۇرۇپ تىزىلاندى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، ئەزىز دەرگاھلىرىغا قۇللۇق قىلغىلى كەلدىم، — دېدى ئۇ يەرگە باش قويۇپ.
دوقاقبەگمۇ يەرگە باش قويدى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، يېقىن يوسۇنلىرىدا جان پىدا قىلىشقا ھەر قاچان تەييار، — دوقاقبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئالتۇن ھالقىسىدىكى قولۇپىنى ئۆپۈپ ئىشىكنى ئاچتى، — مەرھەمەت قىلغايلا، خاقانىم.
مەنسۇرخان بولۇنبەگنىڭ ئۆزىگە ئېيتىدىغان سۆزى بارلىقىنى پەملەپ، قول ئىشارىتى بىلەن كەينىدىن مېڭىشقا بۇيرۇدى. ئۇ ئاجايىپ كۆركەم ياسىلىپ، زىننەتلەنگەن سارايغا كىرىپ تەختكە چىقتى.
— ھە، يۇغرۇش، قانداق خوش خەۋەر بار؟ مەن بىتاقەت بولۇۋاتىمەن، چاپسانراق سۆزلەڭ، — دېدى ئۇ بولۇنبەگنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ.
بولۇنبەگ تىك تۇرغىنىچە سەللە ئورالغان ئوزۇنچاق بېشىنى ئېگىپ، قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى:
— ئاللا كەرەم، ئەزىز دەرگاھلىرىغا ھەمىشە خوش خەۋەر بىلەن كېلىشىمگە نېسىپ قىلسۇن ئالىيلىرى.
— ئولتۇرۇپ سۆزلەڭ، يۇغرۇش.
— رەھمەت ئالىيلىرى، — بولۇنبەگ كۈمۈش پايىلىق
تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يۆلەنچۈكلۈك كۆرۈستە ئولتۇردى، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، تەييارلىق پۈتتى، ئالىيلىرى، مۇشۇ خەۋەرنى ھەزرەتلىرىگە يەتكۈزگىلى مۇبارەك سەلتەنەتخانىلىرىغا ئالدىرىدىم. بۇ راستمۇ؟ شالاق، ئۆسكىلەك قاشلىرى سەل كۆتۈرۈلگەن مەنسۇرخان ئىشەنمىگەندەك قىلىپ سورىدى. راست، ئالىيلىرى، بولۇنبەگ ئۆنىدىن چىقىپ كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ جاۋاب بەردى، خانلىقىمىزنىڭ ئۈچ تۈمەن لەشكەرگە قوشۇلۇپ بارىدىغان بىر تۈمەن قارلۇق مەردلىرى ئاتلىنىشقا تەييار. بىر تۈمەن تولۇملۇق ياغمىلار ئەمرلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئاخاشام ئۆزكەنتتىن كەلگەن ئىككىنچىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، ئىنىلىرى مۇھەممەد ئېلىكخان ئۆتەكەن بىر تۈمەن لەشكەر بارىغانغا كېلىپ چۈشۈپتۇ، ئەتە ئۆگۈن يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئىككىنچى كەلدى دەڭ، ئۇ قەيەردە؟ شاھ تەككىخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلدى، ئالىيلىرى. قوبۇل ئېتىمەن دېسىلە ھازىر باشلاپ كىرەي. سىزنىڭ يەنە باشقا سۆزىڭىز يوقمۇ؟ مەنسۇرخان كوچىلاپ سورىدى. نېمە دېسەم بولار، ئالىيلىرى. گېپىمغۇ بار ئىدى، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى زايه قىلماي دەيمەن. سۆزلەڭ، يۇغرۇش. بولۇنبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ تەخت ئالدىغا كەلدى دە، تەزلەندى: خاقانىم، ئۇيغۇرمۇ، قارلۇقمۇ ئوخشاشلا تۇغقان، قانداش قېرىنداش… نېمە دېمەكچى سىز يۇغرۇش؟ ئونىڭ سۆزىنى بۆلدى مەنسۇرخان، شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قارلۇقلارنىڭ كۆڭلىدە
ئۆچمەنلىك يوق دېگىلى بولمايدۇ.
— دېگەنلىرى بەرھەق، ئالىيلىرى، — بېشىنى ئەگدى بولۇنبەگ، — ئىلگىرى قارلۇقلار بۇ دىيارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، كېيىن ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئەلۋەتتە، ھەزرەتلىرى دېگەندەك، بەزى قارلۇقلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك يوق دېگىلى بولمايدۇ. ۋاھالەنكى، ئۆزىدىن ئەقىل — پاراسەتتە ئۈستۈن، باھادىر جەسۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە قارلۇقلار زىنھار قارشىلىق قىلمايدۇ، بەلكى مەرد، ئەپۇچان قان — قېرىندىشىغا ياردەملىشىشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى يۈرۈشكە تەييارلانغان ئىككى تۈمەن قارلۇق بۇنىڭ دەلىلى. ئالىيلىرىغا مەلۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى تا ھازىرغىچە قارلۇقلاردىن گۇمانلىنىپ، ئۇلارنى چەتكە قېقىپ كەلمەكتە. رەيھاندىنبەگنىڭ يېقىن بىلەن قۇدا بولۇشقا مەيلىنىڭ يوقلۇقى قارلۇقلارغا ئۆچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، ماڭا قاتتىق ئازار قىلدى. ئۇ ئالىيلىرىنىڭ جاندارلار ئەمىرى بولغان ئوغلۇمنى كەمسىتتى، خاقانىم. قارلۇقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىنى بۇزمىسۇن دەپ، رەيھاندىنبەگنىڭ دەككىسىنى بەردىم، ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇم، — بولۇنبەگ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ بېشىنى تەخت پايىسىگە قويدى. ئۇ مۇشۇ گەپنى دېيىش ئۈچۈن بۇغرا قاراخان ئالدىغا كىرگەنىدى. ئالدىدا ئېيتقانلىرى خوشامەت سۆزلىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قارلۇقلارنىڭ بەزى ئاقساقال، بەگلىرى يۈرۈش قىلىشقا قوشۇلمىغانىدى، تەييارلانغانلارمۇ ئىككى تۈمەنگە يەتمەيتتى. رەيھاندىن كۆرۈنۈشتە قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشقا دالالەت قىلغان بىلەن، ئاستىرتىن ئۇلارنى توسۇپ، يۈرۈش قىلماسلىققا قايىل قىلغانىدى.
مەنسۇرخاننىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشى بولۇنبەگنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
— يۇغرۇش، خاتىرجەم بولۇڭ. رەيھاندىنبەگ ئۆزكەنت،
بارىسخان شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنى يۈرۈش قىلىشقا ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن بەجاندىل خىزمەت قىلدى، بۇ سىزگە مەلۇم. ئەمدى قۇدا بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، نىكاھ غايىب! بىر ئادەمنىڭ قىزىنى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىش، بۇ ئاللانىڭ ئىلكىدىكى ئىش. رەيھاندىنبەگ قارلۇقلارغا ئۆچ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قىزلىرى رازىلىق بەرمىگىنى ئۈچۈن ماقۇللۇق بىلدۈرمىگەن، يەنى ئوغلىڭىزنى كۈيۆئوغلۇل قىلىش ئۇنىڭغا نېسىپ بولمىغان. يابغۇ، تارخانبەگلەرنىڭ قىزلىرى بارغۇ. بۇ يۈرۈش غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن بوزاغۇغا ئۇ خالىغان قىزنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىمەن، يۇغرۇش. بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولۇپ، پۈتۈن زېھنىڭىزنى زەپەر قازىنىشىمىز ئۈچۈن سەرپ قىلغايسىز، — مەنسۇرخان «ئەمدى قانائەت ھاسىل قىلغانسىز» دېگەندەك مەندە باش لىڭشىتتى.
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە جېنىم تەستەددۇق، — بولۇنبەگ يەنە پايىگە باش قويدى، — پېقىر قوللىرى رەيھاندىنبەگنىڭ كېنجى قىزىنى بالا قىلىۋېلىش ئارزۇسىدا مەن. ئۈچ قىزى قولدىن چىقىپ كەتتى، تۆتىنچى قىزى بويىغا يېتىپ قالدى. ئۇنى ئوغلۇم بوزاغۇغا ياتلىق قىلىشقا ئۇنىسا، ئىككى قەبىلە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق تۈگەپ، ھەقىقىي ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ قالاتتى، خاقانىم، — ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېمەيلا يېلىنغان نەزەر بىلەن مەنسۇرخانغا باقتى. بۇنىڭدىن بىر بېشارەت سەزگەن خاقان ئويلىنىپ قېلىپ دېدى:
— بولىدۇ، يۇغرۇش، ئوردۇكەنتتىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىپلا، رەيھاندىنبەگنى ئۆزۈم ماقۇل قىلاي، توينى دەبدەبە بىلەن ئۆتكۈزەيلى. سىز بۇ ھەقتىكى خىياللارنى كاللىڭىزدىن
چىقىرىۋېتىپ، ئۆگۈنلۈككە ئاتلىنىش توغرىسىدىكى پەرمانىمنى سۇباشلارغا يەتكۈزۈڭ. ھازىر «دىۋانى ئارىز»نىڭ كېڭىشى بولىدۇ. بارلىق يۇغرۇشلار، سۇباشلار، ھاجىپلار، قاپۇقچى بېشى، ئاغىچى ئۇلۇغلار ئەزىز دەرگاھقا ھازىر بولسۇن! — باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — بولۇنبەگ كېيىنچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى. «دىۋانى ئارىز»نىڭ كېڭىشى چۈش ۋاقتىدا تۈگىدى. ئۆگۈنلۈككە سەھەر قەشقەرگە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى بۇغرا قاراخاننىڭ پەرمانىنى ماقۇللاپ پەرمانبەردارلىق بىلدۈرگەن يۇغرۇش بېشى، سۇباشى ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنى مەنسۇرجان «بەگ تەركىسى»گە تەكلىپ قىلدى. پۈتۈن پېتى تونۇردا كاۋاپ قىلىپ پىشۇرۇلغان تاي، موزايلار، قوزا — ئوغلانلار، كاكچا، گىردە، قاتلىما نانلار «بۇغراخان تاماقخانىسى»نىڭ تال باراڭلىق سەيناسىغا راسلانغان داستىخانغا قويۇلدى. گۈللۈك ساپال خۇمىلاردا بوزا، مەيزاپ، مۇسەللەس، فۇقا قاتارلىق ئىچىملىكلەر؛ قىمىز، شەربەت، جۇلاپ قاتارلىق ئۇسسۇزلۇقلار كەلتۈرۈلدى. مەنسۇرخان كۈمۈش لېگەندە ئېلىپ كېلىنگەن تاماقلىققا ئېغىز تەگكەندىن كېيىن، ئەربابلار نازۇنېمەتلەرگە قول ئۇزارتىشتى. رەيھاندىن زىياپەتتىن كېيىن ئاتنى ئېلىپ كەلگەن بويانقار بىلەن ئوچقاندەك مېڭىپ ئۆيىگە كەلدى. ئادار بىلەن يارۇقنى چاقىرىپ، يېزىپ قويغان مەكتۇپنى ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ تاپشۇردى: — سىلەر بۈگۈن ئاخشام جاننى قولغا ئېلىپ ئوردوكنتكە قاراپ يولغا چىقىڭلار. چاقماق تېزلىكىدە مېڭىپ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ ئالىيلىرىغا قەيەردە ئۇچرىسا شۇ يەردە بۇ
① دىۋانى ئارىز — ھەربىي ئىشلار مەھكىمىسى. ② بەگ تەركىسى — پادىشاھ زىياپىتى. ③ فۇقا — كۈچلۈك شاراب. 268
مەكتۇپنى تاپشۇرۇڭلار. ئەگەر يولدا ئۇچرىمىسا، ئوردۇكەنتكە بېرىپ ئۆز قولىغا بېرىڭلار. بۇنى بىر ئاللاھتىن ۋە ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمىسۇن. قەيەرگە بېرىشىڭلارنى خوتۇن-بالىلارغىمۇ ئېيتماي ئاتلىنىڭلار، بالىلىرىم! — باش ئۈستىگە، ئاتا! — دېيىشتى ئادار بىلەن يارۇق تەزلىنىپ. رەيھاندىن ئىككى غۇلامنى ئېلىپ ئاۋۋال قۇدۇس ئادامتۇغرۇلنىڭ، ئاندىن قېيىنئاتىسى بەگتاش ئابدۇللا داموللىنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەن، ئۈچىنچى كۈچىيىپ، روھلىنىپ ئۆزگەرگەن رەيھاندىن، قارلۇق، ياغما، چىگىل، توغراق، بايرىغۇ، قىپچاق… قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئارسلانخان، يابغۇ، چاغرىبەگ، تەرخانبەگلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققۇچە ۋە يولغا چىققاندىن كېيىن، قىلماقچى بولغان ئىشلار توغرۇلۇق مەسلىھەتنى پىشۇرۇۋېلىپ، يېرىم كېچىگە يېقىن ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. رابىئە ئۇخلىماي ئېرىنىڭ يولىغا قاراپ، ئوغلى بىلەن پېشايۋاندا ئولتۇراتتى. يۈسۈپ چىراغ يورۇقىدا كىتاب ئوقۇۋاتاتتى. — تېخىچە ئۇخلىمىدىڭلارمۇ؟ — رەيھاندىن تونىنى سالدۇرۇۋاتقان خوتۇنىغا مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن قاراپ، ئاندىن بېلىدىن قۇچاقلىۋالغان يۈسۈپنىڭ بېشىنى سىلىدى. — سەن كەلمىسەڭ، بىزنىڭ قانداقمۇ ئۇيقىمىز كەلسۇن، ئاتا، — دېدى يۈسۈپ ئەركىلەپ. — سىلى يەنە بىر يەرگە بارمايدىغانلا ئاتىسى، بارىدىغانغا كەتكەنلەردە، يۈسۈپ ھەر كۈنى «ئاتام قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سوراپ، يوللىرىغا تەلمۈرگەنىدى، — دېدى رابىئە ئېغىر تىنىپ. رەيھاندىن سەپەر قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى. يۈسۈپنى ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ، ئۇيقۇغا كەتكۈچە يېنىدا
ئولتۇردى. ئاندىن ماڭلىيىغا سۆيۈپ، شامنى پۈفلەپ خاس ھۇجرىسىغا چىقتى.
2
رەيھاندىن يولغا چىقىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، مىڭ ئاتلىق ئەسكەر - جابدۇقلىرى، قورال - ياراغلىرى بىلەن مەنسۇرخانغا سوۋغا قىلىپ تۇتتى. لەشكەرلىرىگە ئات يېتىشتۈرەلمەيۋاتقان خاقاننى بۇ كاتتا سوۋغات ناھايىتى خۇش قىلغانىدى. ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچى كۈچىيىپ، رەيھاندىننى يېنىدىن ئايرىمىدى.
ئەتە ئالدىدا توققۇز ھال رەڭ تۇغنى كۆتۈرگەن ئەلەمدارلار، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاق، قارا، كۆك، سېرىق بۆرە بېشى كەشتىلەنگەن تۇغلىرىنى كۆتۈرگەن تۇغچىلار ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ «قوۋۇقى كاشغەر»دىن چىقتى. ئۇلارغا ناغرا - سۇناي، بۇرغا - كاناي، دۇمباقلارنى چالغان شادىيانچىلار ئەگەشكەنىدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن جەڭ كىيىمى كىيگەن مەنسۇرخان ئەكابىر - ئەشرەپلىرى بىلەن ماڭدى. خاقاننىڭ ئوڭ يېنىدا ئاق ئاتنى دەسسەپ خىيالچان كېلىۋاتقان رەيھاندىننىڭ كۆزلىرى تۇمانلىق ئۇپۇققا تىكىلگەنىدى: «ئادار، يارۇقلار ئون - ئون بەش كۈندە ئوردۇكەنتكە يېتىپ بارىدۇ. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ مەكتۇپنى تاپشۇرۇۋېلىپلا يولغا چىقىشى مۇمكىن. ئىنشاءاللا، ئەلگە ئەمىنلىك ئاتا بولىدىغان كۈنلەرگە ئۇزاق قالمىدى…»
بۇلۇنبەگ تۆمۈر رەڭ بەقەسەمدىن تون كىيىپ بېلىگە خەنجەر، قىلىچ ئېسىۋالغان رەيھاندىننى، ئۆزىدەك جەڭ لىباسى كىيگەن دوقاقبەگكە كۆز ئىشارىتى بىلەن كۆرسىتىپ، مەنسىتمىگەن ھالدا ھىجىايدى. ئۇ ئومۇت، نەيزە بىلەن قوراللانغانىدى، كۆرۈنۈشى سۈرلۈك، ئەلپازى قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان بوزاغۇ باشچىلىقىدىكى
جاندارلار، يەتتىدىن سەپ بولغان لەشكەرلەر سۇباشلىرى، يابغۇ، چاغىربەگلەر، تارخانبەگلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىدىن - ئۆزى سەپ تارتقانىدى.
كۈن ئۆتكىنەشپىرى مەنسۇرخان جىددىيلىشىشكە باشلىدى. ئۇ يۇغرۇش، سۇباشلارغا:
— بىزنىڭ ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ كېتىۋاتقىنىمىزنى ھېچكىم بىلمىسۇن! كىمدىكىم ئاغزىغا ئاشكارىلاپ قويسا دەرھال كاللىسى ئېلىنسۇن! — دەپ ئەمر قىلدى.
«مۇبادا بۇ يۈرۈش مەغلۇپ بولسا، بېشىمنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن، مەنسۇرخاننى يۈسۈپ قادىرخانغا تۇتۇپ بېرىشىم زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. غەلىبە قىلسا، مەنسۇرخاندىن ئوردۇكەنتنى، ھېچبولمىسا بارسغاننىڭ ئەمىرلىكىنى سوراپ ئالىمەن. بۇنىڭغا مۇيەسسەر بولسام، كۈچ توپلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانلىرىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، قارلۇق ئارسلانخانى بولۇپ تەختكە چىقىمەن…» دەپ ئويلىغان بولۇنبەگنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ، قەشقەرگە بۇرۇنراق باستۇرۇپ بېرىشكە ئالدىرايتتى.
«بۇ قېتىمقى يۈرۈش قىلىشنىڭ نۇسرەت تېپىشى ئىشەنچلىك ئەمەس. قارلۇقلاردىن مىڭ تەستە يىغقان لەشكەر بىر تۈمەندىن سەللا ئاشىدۇ، ئۇنى ئىككى تۈمەن قىلىپ كۆرسەتتۇق. بۇ يۈرۈشكە شۇنچە قارشى بولغان رەيھاندىنبەگنىڭ خاقان بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇپ كېتىشىدە چوقۇم بىر گەپ بار. بولۇنبەگ بۇنىڭغا سەل قاراۋاتىدۇ. رەيھاندىنبەگ دۈشمەننىڭ قاپقىنىغا دەسسەيدىغان ئەخمەق ئەمەس. قاراخانىلارنىڭ تاجى بولۇنبەگكە ئەمەس، ماڭا نېسىپ بولغۇسى…» دەپ ئويلايتتى دوقاقبەگ مەنسۇرخان بىلەن قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان رەيھاندىنغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ.
مەنسۇرخان ئېغىزدا ئالتە تۈمەن دېيىلگەن بىلەن، ئىنچىكىلەپ سانىغاندا تۆت تۈمەنگىمۇ يەتمەيدىغان لەشكەر بىلەن كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق كۆپ قوشۇننى باشلاپ يۈرۈش
قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىدى. ئۇ تۇرۇپ كۆرۈنسە، تۇرۇپ ئەندىشە قىلاتتى. يۈسۈپ قادىرخان بىلەن جەڭگاھتا تېزىرەك ئۇچرىشىپ، ئۇنى ئەسەرگە ئېلىشنى، ئوردۇكەنتتە دارغا ئېسىشنى ئويلىغاندا، شالاق ساقاللىق، ئاق سېرىق يۈزىدە كۈلكە پەيدا بولاتتى؛ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ، لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ قاچىدىغانلىقى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قىلىچ يالىڭاچلاپ كېلىۋاتقانلىقى خىيالىدىن كەچسە، بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ غەمگە پاتاتتى. «مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈشتىن بۇرۇن جاھاننى قانغا بويايمەن» دەيتتى ئۇ ئىچىدە غۇدۇراپ.
بۇ زور قوشۇن يېزا - قىشلاقلاردا چۈشكۈن قىلىپ، تاماق يەپ، ئاتلىرىنى سوۋۇتۇپ، بوغۇز بېرىپ ئارام ئالغاندىن كېيىن يەنە يولنى داۋاملاشتۇراتتى. سەككىزىنچى كۈنى يىراقتىن بىر داۋان كۆرۈندى.
— بەدەئەرت داۋىنى① غا كېلىپتۇق، — دېدى رەيھاندىن تىزگىننى تارتىپ، ئۇ قولى بىلەن كۈن نۇرىنى توسۇپ سەپالدى. چۆمۈلىدەك تىزىلىپ داۋان ئۈستىدىن چۈشۈۋاتقان ئادەملەرنى ئاران غىل-پال كۆردى: «بۇ لەشكەرلەرغۇ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ سىپاھىلىرى بولمىغاي يەنە. نېمىشقىن كۆپ، بىزنى كۆرگەنمىدۇ؟…» ئۇ ئۈن چىقارمىدى، داۋانغا كۆز سالغانسېرى ھاياجانلاندى.
ھاۋا ئوچۇق، ياز قۇياشى قارامتۇل، سۈرلۈك داۋاننىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئاپتاپتا قاغجىراپ كەتكەن قامغاق، يۇلغۇنلارغا بوي سوزۇپ كېتىۋاتقان ئاتلارنىڭ ھېرىپ كەتكەنلىكى باش سېلىپ مېڭىشىدىن چىقىپ تۇراتتى. خاقاندىن تارتىپ نۆكەرلەرگىچە ھەممىسى ئاتلىرىغا ئوخشاشلا چارچىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇسسۇزلۇق قوشۇلۇپ ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىشكەنىدى. مەنسۇرخان بارگاھ قۇرۇپ
① بەدەئەرت داۋىنى — تورغات بىلەن ئالاساغۇن ئارىلىقىدىكى داۋان.
ئوبدان ئارام ئېلىۋېلىشنى نەچچە سائەت بۇرۇن — داۋان غىل - پال كۆرۈنگەندىلا كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ داۋاندىن چۈشۈۋاتقانلارغا تېخى زېھن قويماي، شېرىن خىيالى بىلەن مۆگدەپ، تىزگىننى بوش قويۇۋەتكەنىدى. قارا بويۇن ئاق بوز ئېتى ئاندا - ساندا ئۇچرىغان شىكەر يانتىقى، كۆك تىكەنلەرنى يالماپ ئاستا قەدەم باساتتى.
— خاقان ئالىيلىرى، داۋاندىن ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، — دېدى باياتىن كۆز تىكىپ دەككە - دۈككە چۈشۈپ قالغان بولۇنبەگ.
— نېمە؟ — مۆگدەپ قېلىپ ۋەزىرنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشىنەلمىگەن مەنسۇرخان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، — گەپ قىلدىڭىزمۇ يوغروش؟
بولۇنبەگ قولى بىلەن داۋاننى كۆرسىتىپ بايقا سۆزىنى ئالدىراپ تەكرارلىدى.
مەنسۇرخان قولىنى پېشانىسىگە تۇتۇپ قاراپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ داۋاننىڭ ئايلانما يوللىرىنى بويلاپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئېتىنى توختاتتى.
— يوغروش، ئۇلار بوشلارمۇ، قوللارمۇ؟ نېمانداق كۆپ ئادەم ئۇ؟
— ئۇلار لەشكەردەك قىلىدۇ، خاقان ئالىيلىرى، — جاۋاب بەردى دوقاقبەگ دۈدۈقلار تۇرۇپ قالغان بولۇنبەگنىڭ ئورنىغا.
— قانداق لەشكەر ئۇ؟ — ئاچچىقلىنىپ سورىدى مەنسۇرخان گويا ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئىش قىلسا، يول يۈرسە بولمايدىغاندەك.
— خودا بىلىدۇ، ئالىيلىرى. قىتانلار بولمىغىيدى. يەنە باستۇرۇپ كەلگەن بولسا، تاقابىل تۇرماي ئامالىمىز يوق، — دېدى چىرايى تاتارغان دوقاقبەگ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ.
— ئادەم ئەۋەتەيلى، بىلىپ كەلسۇن، ئالىيلىرى، — رەيھاندىن ئەمدى قارىماقچى بولۇۋاتقاندەك ئاتتىن كۆتۈرۈلۈپ
داۋانغا كۆز تىكتى. سان - ساناقسىز كىشىلەرنىڭ بىر ئۇچى داۋان ئۈستىدە بولسا، بىر ئۇچى تۆۋەندە ئىدى.
مەنسۇرخاننىڭ پۈتۈن لەشكىرى توختىدى.
— سۇباشى!
— لەببەي، ئالىيلىرى، — تۆمۈربۇقا نەسىردىنبەگ چاپچىپ تۇرغان ئېتىنىڭ تىزگىنىدىن تارتىپ خاقانغا يېقىن كەلدى.
— داۋاندىن چۈشۈۋاتقانلارنىڭ كىملىكىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن دەرھال ئادەم ئەۋەتىڭ.
— خوپ، ئالىيلىرى.
— پۈتۈن لەشكىرى سەپراس بولسۇن!
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى.
تۆمۈربۇقا چاپاۋۇل قىسمىنىڭ ئون نەپەر زەپەردەس نۆكىرىنى داۋان باغرىغا ماڭدۇرۇپ تۇرۇۋېدى، ئۇ تەرەپتىن ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن قوراللىق ئادەم كۆز يېتىم يەردە توختاپ، يادىن ئوق ئۈزدى. غۇيۇلداپ كەلگەن ئوق، جىددىيلىشىپ قالغان مەنسۇرخاننىڭ دەل بېشى ئۈستىدە يەلپۈنۈپ تۇرغان تۇغقا تېگىپ يەرگە چۈشتى، ئۇ چۆچۈپ كېتىپ بېشىنى ئاتنىڭ بوينىغا قويدى، سىلكىنىشتىن دۇبۇلغىغا قادالغان تاجى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئونىڭ ئارقىسىدا تۇرغان بوزاغۇ توپىغا مىلەنگەن تاجنى ئېلىپ، تېزلانغان ھالدا مەنسۇرخانغا سۇندى. خاقان نېمە قىلىشىنى، نېمە دېيىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغانىدى. بولۇنبەگ تاجنى ئېلىپ، ئونىڭ بېشىدىكى دۇبۇلغىغا قاداپ قويدى. بۇ چاغدا ئوق ئۈزگەن ئاتلىق كۆزدىن غايىب بولغانىدى.
تاشلىق يەرگە چۈشكەن يا ئوقىغا دىققەت قىلغان رەيھاندىن ئونىڭغا يۆگەلگەن قەغەزنى كۆردى. «بۇ خەت بولمىسۇن يەنە» دەپ ئويلاپ ئاتتىن چۈشتى — دە، يا ئوقىغا قول ئۇزارتتى.
— قالۇائۇلۇن ① ئىكەن، — دېدى رەيھاندىن يا ئوقىنى تۇتۇپ ۋە يۆگەلگەن قەغەزنى ئېلىپ ئاچتى. بۇ راستلا خەت ئىدى.
① قالۇائۇلۇن — ئۇچسىز ئوق.
رەيھانىدىن خەتكە كۆز يۈگۈرتۈپ ئىچىدە ئوقۇدى:
«ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
يەرۇئاسمان ئاللانىڭدۇر، بەندىنىڭ ئەمەس. ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ پادىشاھى ئاللادۇر، بەندە ئەمەس. يەر يۈزىنىڭ ھەرقايسى زېمىنلىرىغا شاھ، خان، سۇلتان بولغانلار، ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئىگە بولغان سىناق ئۈستىدىكى ئاقىل بەندىلەردۇر. ئۇلار ئەل غېمىنى يەپ، ئەلىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ئۈچۈن ئادالەت تۇغىنى ئېگىز كۆتۈردىكەن، قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىدىكەن، ئاللا مەدەتكار بولۇپ، يۈكسەك ھۆرمەت، شەرەپكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقنىڭ غېمىنى يېمەي، بايلىق، ئاتاق قوغلىشىپ زۇلۇم قىلىدىكەن، ناھەق قان تۆكۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئاللا ئۇنى جازالايدۇ، تاجو-تەختىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
ئاگاھ بولۇڭكى، بۇغرا قاراخان ئىنىم، ئاللا كەرىم سىزگە ئاتا قىلغان تەڭداشسىز سەلتەنەتكە ناشۈكۈرلۈك قىلىپ، ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، ناھەق قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىڭىزغا كەلدىم. ئاللانىڭ ئەپۇ قىلىشىغا، شەپقىتىگە ئېرىشىمەن دېسىڭىز، ئەل بېشىغا چاپماقچى بولغان قىلىچىڭىزنى قىنىدىن سوغۇرماي، پېقىر ئاكىڭىزغا تاپشۇرۇڭ! توۋا قىلىپ قىنىدىن سوغۇرماي، پېقىر ئاكىڭىزغا تاپشۇرۇڭ! توۋا قىلىپ گۇناھىڭىزنى تەڭرىدىن تىلەڭ! ئەگەر بۇنىڭغا ماقۇل بولماي، قارا نىيەت بىلەن سوغۇرۇلغان قىلىچىڭىزنى يالغاچلاپ يوقىرى كۆتۈرىدىكەنسىز، بۇ قىلىچ ئۆز بېشىڭىزغا چۈشىدۇ. گەپ تامام، ۋەسسالام.
ھىجرىيە 415 - يىلى ① ماھى رەببىيەلئاخىرنىڭ 23 - كۈنى. قەشقىر بۇغراخانى يۈسۈپ قادىرخان».
① مىلادىيە 1024 - يىلى 5 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
ئالاقىزادە بولۇپ تېخىچە ئۆزىگە كېلەلمىگەن مەنسۇرخان رەيھاندىن ئۇزارتقان خەتكە بىرھازا ھاڭۋاقىپ قاراپ تۇردى.
— خاقان ئالىيلىرى، بۇ قەشقەر بۇغراخانىنىڭ سىزگە يازغان خېتى ئىكەن، ئوقۇپ بېرىمۇ؟
— ياق! — مەنسۇرخان خەتنى يۇلۇپ ئالدى، كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپلا پارە - پارە قىلىپ يەرگە تاشلىدى.
— پەرمان! — قىلىچىنى قىنىدىن سوغارغان مەنسۇرخان بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى، — ھەممە قەبىلە سىپاھىلىرى، چاپاۋۇل قىسىم، باسمىچىلار①، ئاقىنچىلار②، تۇتغاقلار③، جاندارلار، ياساۋۇللار، نۆكەرلەر جەڭگە تەييار بولسۇن! مەن قىلىچىمنى سوغاردىم، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلمىغۇچە قىنىغا سالمايمەن. دەرھال خانتۇي④نى راسلاپ، چەرگەشمەك⑤ زۆرۈر. كىم قاچىدىكەن، دۈشمەنگە ئەل بولۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، دەرھال كاللىسى ئېلىنسۇن! يۇغرۇشلار، سۇباشىلار، كۆك ئايىق، چاغىربەگلەر، بۇ جەڭدە پىداكارلىق كۆرسەتكەيسىلەر!
بۆلۈنبەگ، دۇقاقبەگلەر قىلىچلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشتى:
— دۈشمەن قېنىنى سۇدەك ئاققۇزىمىز.
رەيھاندىن قىلىچىنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى:
— ئېلىنىڭ ئامانلىقى ۋە ئادالەت ئۈچۈن جان تەقدىمىز.
— سۇباشى! — توۋلىدى مەنسۇرخان.
— لەببەي، ئالىيلىرى، — تۆمۈربۇقا نەسرىدىنبەگ باشلىق تۆت سۇباشى خاقان ئالدىدا قول باغلاپ تۇردى.
— دىققەت بىلەن كۆزىتىڭلاركى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلغۇدەك
① باسمىچىلار — پىداكارلار. ② ئاقىنچىلار — دۈشمەن قارارگاھلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچى قىسىم. ③ تۇتغاقلار — دۈشمەن ئادەملىرىنى تۇتۇپ كېلىدىغان ئالاھىدە قىسىم. ④ خانتۇي — بۇغرا قاراخان بارگاھى. ⑤ چەرگەشمەك — دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ بىر - بىرىگە ئۇدۇل بارگاھ قۇرۇپ سەپ تۈزۈشى.
بولسا دەككىسىنى بېرىڭلار. تۈن تەك بولغاندا ئاقىنچىلار ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يۈسۈپ قادىرخان بارگاھىغا باستۇرۇپ كىرسۇن. ئۇنى تىرىك تۇتۇپ ئالدىمغا ئېلىپ كەلگەن ئالىپنى ئوردوكنەتكە بۇغراخان قىلىمەن، ئۇقتۇڭلارمۇ؟ — ئۇقتۇق، ئالىيلىرى. — قېنى، بېرىڭلار! سۇباشلىرى كەينىچە مېڭىپ خاقاندىن يىراقلاشتى. تۆمۈربۇقا رەيھاندىن بىلەن كۆز ئۇرۇشتۇرۇۋالدى. كەچكى شەپەق داۋان باغرىدا ئالا — بولا شولىلارنى پەيدا قىلىپ، قىلىچ، نەيزىلەردە چاقنىغانىدى. ئارقا — ئارقىدىن ياندۇرۇلغان ئوتقاشلار شەپەقنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، داۋاننىڭ ئۈستىدىن ئاستىغىچە ئاجايىپ گۈزەل ۋە سىرلىق مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. — مېنىڭ لەشكەرلىرىم نېمىشقا ئوتقاشلارنى ياندۇرمايدۇ؟ — دەپ ئاچچىقلاندى مەنسۇرخان. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوردوكنەتتىكى ھەرەمدە بىخارامان ئولتۇرماي، بۇنچە كۆپ لەشكەر بىلەن ئالدىغا باستۇرۇپ كېلىشى ئۇنىڭ زەردىسىنى قايناتقانىدى، — كىم ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەندۇ؟ ئەستەغپۇرۇللا!… — يەنى ئايىغان بولسا كېرەك، ئالىيلىرى. ئەمدى ياندۇرسىمۇ بولىدۇ، — دېدى رەيھاندىن چىدىر شەكىلدە قۇرۇلغان خانتويغا قەدەم باسقان مەنسۇرخاننىڭ كەينىدىن كىرىپ. — مەن يۈسۈپ قادىرخاندىن گاداي ئەمەس، ئاغچى ئولۇغى. بۇيرۇڭ، لەشكەرلىرىم ئوتقاشلارنى ياندۇرسۇن! — مەنسۇرخان ئاچچىقلانغان ھالدا گىلەم سېلىنغان خانتوينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلغان تەختتە ئولتۇردى. ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى، بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىشنى خالىماي قالدى. دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇنبەك، دوقاقبەگلەر قانداق قىلىش
كېلەچىلىكى توغرىسىدا خىيال سۈرۈپ، تەختنى چۆرىدەپ جىم ئولتۇرۇشتى.
رەيھاندىن خانتويدىن چىقىپ، لەشكەر باشلىقلىرىغا سىپاھلارنى تاماقتاندۇرۇشنى ھەم ئوتقاشلارنى ياندۇرۇشنى بۇيرۇپ تۇرۇۋاتاتتى، باياتىن كۈتۈپ تۇرۇشقان ئۆدەش بىلەن بويانقار ئاستا يېنىغا كەلدى. ئۇ بوش ئاۋاز بىلەن بۈگۈن كېچە قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا تاپشۇردى. دۇبۇلغا، ساۋۇت كىيىپ، ئوقيا، نەيزە بىلەن قوراللانغان بۇ ئىككى يىگىت ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتتى. كۆڭلى تىنغان رەيھاندىن ئاشپەز باشىنى چاقىرىپ، دەرھال تاماقلىق تەييارلاشنى، يۇغرۇش، جاندارلارغا تاماق ھازىرلاشنى ئۇقتۇردى. داۋان باغرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئەزان ئاۋازىغا قۇلاق سالغان ھالدا خانتويغا كىردى. قىلىچىنىڭ ئالتۇندىن قىلىنغان سېپىنى سىقىملاپ ئويغا چۆككەن مەنسۇرخان بېشىنى كۆتۈردى.
— شام بوپتۇ ئالىيلىرى، ناماز ئوقۇۋالايلى.
مەنسۇرخان چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى لىڭشىتىپ تەختتىن چۈشتى، ئۇ ئاچچىقلانغان، غەزەپلەنگەن چاغلىرىدا گەپ قىلىشتىن قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇشنى، «جاللات!» دەپ توۋلاشنى ئەۋزەل كۆرەتتى. لېكىن، ھازىر قىلىچىنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈشنىمۇ، جاللاتنى چاقىرىشنىمۇ بىلمەي، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ، تاھارەت ئېلىپ نامازغا تۇردى. تاماق يېۋاتقاندىمۇ، خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىمۇ زۇۋان سۈرمىدى. بىر چاغدا يامان چۈش كۆرگەن ئادەمىدەك ئۆندەرەپ تەختتىن چۈشۈپ:
— لەشكەرلەر دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتسۇن. يۈسۈپ قادىرخاننى تۇتۇپ ئالدىمغا كەلتۈرسۇن! — دەپ ۋارقىرىدى.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى! — بولۇنبەگ، دوقاقبەگلەر ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، شۇ زامان خانتويدىن چىقىپ كېتىشتى.
شاراب! مەنسۇرخان ھېچكىمگە قارىمايلا قولىنى ئۇزارتتى.
رەيھاندىن ئىندىشچى بېشى ئارغۇن غىياسىدىن ئەكىرىپ قويغان خۇمدىكى شارابتىن جامغا قويۇپ بەردى.
مەنسۇرخان بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى.
قويۇڭ! مەنسۇرخان تەختكە چىقىپ ئولتۇردى.
ئىككىنچى جاممۇ بوشىدى.
يەنە قويۇڭ!
ئۈچىنچى جامنىمۇ كۆتۈرۈۋەتتى.
نېمىگە قاراپ تۇرىسىز، يەنە قويۇڭ.
ئالىيلىرى، ھازىر شاراب ئىچىدىغان ۋاقىت ئەمەس.
ئۇنداق بولسا نېمە قىلىدىغان ۋاقىت؟ مەنسۇرخان قولىدىكى جامنى يەرگە ئاتتى.
ئەمدى ياخشى بولدى. ھازىر جامنى يەرگە تاشلىۋېتىپ، ئەل غېمىنى يەيدىغان ۋاقىت.
مەنسۇرخان چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئۈندىمىدى. بولۇنبەك ئاستىلاپ كىرىپ كەلدى.
ھەزرىتى خاقان ئالىيلىرى، سۇبېشى چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل لەشكەرلىرى بىلەن يۈسۈپ قادىرخان تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دېدى بولۇنبەك تىترەپ.
نېمە دېدىڭ يوغۇچۇش! چاچراپ تۇرغان مەنسۇرخان تەختتىن چۈشۈپ دۆھەيلەپ كەلدى.
بولۇنبەك كېكەچلەپ بايقا سۆزنى تەكرارلىدى.
ياق، بۇ يالغان! ئۇ ھۇجۇمغا ئۆتكەن گەپ.
خاقان ئالىيلىرى، ئېيتقانلىرىم راست، چاغرىبەگنىڭ كەينىدىن سۇبېشى تومۇربۇقا نەسىردىنبەگمو بىر تۈمەن سىپاھ بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
ئاغزىڭنى يۇم!…
مەنسۇرخاننىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ، خانتويىنىڭ بۆرە
تېرىسىدىن قىلىنغان ئىشىكتىن ئېتىلىپ كىرگەن بوزاغو مەلۇم قىلدى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، جاندار ئۆدمىش ئوردا نۆكىرى بويانقار بىلەن بىر قانچە تۇتغاقلارنى باشلاپ، تۇننىڭ ئاۋۋىلىدا كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ.
— يەنە نېمە بولدى؟
— لەشكەرلەر توپ - توپ بولۇپ ئوردىكەنت بۇغراخانى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. قانداق قىلىمىز؟
— قانداق قىلىمىز؟ بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟! پەرمانىمنى سۇباشى، چاغرىبەگلەرگە يەتكۈز، قاچقانلار چېپىپ تاشلانسۇن!
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى.
— جاندارلار باسمىچىلار بىلەن خانتوينى مۇھاپىزەت قىلسۇن.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى! — ئالاقىزەدە بولغان بوزاغو كەينىگە داجىپ - داجىپ چىقىپ كەتتى.
— ئاغچى ئۇلۇغى، سىز چىقىپ تەكشۈرۈپ، يۇغرۇشنىڭ دېگەنلىرى راستمۇ، يالغانمۇ، بىلىپ كىرىڭ، ئىككى كۆيۈمچىلىكىز ھازىرغىچە كەلمىگەن بولسا، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاسىيلارنى ئۆز قولىڭىز بىلەن جازالاش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە ئاتلىنىسىز.
— خۇپ ئالىيلىرى، — رەيھاندىن ئورنىدىن تۇردى.
3
تاشقېرىدا نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەن؟ بىلىشكە تەقەززا بولغان رەيھاندىن خانتويدىن چىقىپ ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى كۆردى: پۈتۈن ئەتراپى ئوتقاشلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر قانچە ياساۋۇل، نۆكەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا سىپاھلارنى ئارىلاپ، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل، تۆمۈر بۇقىلارنىڭ
لەشكەرلىرىنى باشلاپ، قەشقەر بۇغراخانى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىڭ راستلىقىنى بىلىپ، «ئەجرىم زايدە كەتمەپتۇ، ئۇلار ئەھدىسىدىن چىقىپتۇ» دەپ ئويلىدى. دوقاقبەگنىڭمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، «بۇ ئادەمنى ئەجەبلەندۈرىدۇ، بولمىسا ئۇ يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھقا چىش - تىرنىقى بىلەن قارشى ئىدى» دېدى ئىچىدە، «ئۆتمۈش بىلەن بويانقارمۇ ئىشنى ۋاقتىدا جۆندەپتۇ. مەنسۇرخاننىڭ پەيمانى توشتى…» ئۇ خىيال بىلەن خانتويىغا يېقىنلاپ، بۇغرا قاراخاننىڭ بۇ بارگاھىنى قارلۇق لەشكەرلىرىنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئەجەبلىنىپ سىپاھلارنىڭ ئارىسىدىن يول ئېچىپ، خانتويىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇشىغا، قىلىچ يالىڭاچلاپ تۇرغان بوزاغو:
— تۇتۇڭلار مەنسۇرخاننىڭ بۇ غالچىسىنى! — دەپ ۋارقىرىدى. بىر قانچە نۆكەر كېلىپ رەيھاندىننىڭ قوللىرىنى قايرىپ زەنجىر بىلەن باغلىدى.
— خانتويىغا ئېلىپ كىرىڭلار!
نۆكەرلەر رەيھاندىننى خانتويىغا ئېلىپ كىردى.
— ھە، ئاغچى ئولۇغى، مەقسىتىڭىز ئەمەلگە ئاشمايدىغان بولدى. مەن بۇغرا قاراخاننى ئەسىر قىلدىم. ئۇنى سىز بىلەن ئوردۇكەنت بۇغراخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. كۆيۈمچانلىقىڭىز سىزدىن ئەقىللىق ئىكەن، — دېدى تەختتە ئولتۇرۇۋالغان بولۇنبەگ زەھەرخەندىلىك بىلەن، — بايا سىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوغلۇم بوزاغو قارلۇق لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ، خاقاننى تەختتىن مەھرۇم قىلدى. بۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىۋاتامسىز؟
— ياق، ھەيران قېلىۋاتىمەن، يوغروش باشى. شۇنچە يىللاردىن بېرى سىزنى ئەتۋارلاپ كەلگەن بۇغرا قاراخانغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭىزدىن ھەيران قېلىۋاتىمەن، — ئۇ تەخت يېنىدا باغلاپ قويۇلغان مەنسۇرخاننىڭ بىچارىلەرچە ھالىتىدىن
نەپرەتلىنىپ دېدى، خاقان ئالىيلىرى، سىزنىڭ بۇ كۈنگە قېلىشىڭىز، ناھەق قان تۆكۈشكە ئۇرۇنغانلىقىڭىزنىڭ، سادىق دوستلىرىڭىزنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماي، ئاسىيلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتكەنلىكىڭىزنىڭ، تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى!
بۇ دۇنيا شۇنداق دۇنيا، ساداقەت بىلەن ئاسىيلىق ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، دېدى بولۇنبەگ ھاياسىزلارچە ھىجىيىپ.
ياق، ساداقەت ئاسىيلىققا يول قويمايدۇ. ئاسىيلاردا ساداقەت، ۋىجدان بولمايدۇ، يوغۇرۇش.
ئۇنداق بولسا سىز مەنسۇرخانغا سادىقمۇ؟
بۇنى كېيىن بىلىپ قالىسىز.
مەنسۇرخان رەيھاندىنغا گۇمان بىلەن قاراپ قويدى، لېكىن ئېغىز ئاچمىدى. ئۇنىڭ سۆزلىگۈدەك ماجالى قالمىغانىدى.
شۇنداقمۇ؟ بولۇنبەگ خىرىلداپ كۈلدى. ئۇ بوزاغۇغا قاراپ، ئوغلۇم، لەشكەرلەرگە بۇيرۇق، ئاق تۇغنى كۆتۈرۈپ يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھقا ئەل بولۇش ئۈچۈن ئاتلانسۇن!
باش ئۈستىگە، بوزاغۇ مەنسۇرخاننىڭ شاھلىق ھاسىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ خانتويىدىن چىقىپ كەتتى.
قېنى مەنسۇرخان، رەيھاندىنبەگ تۇرۇڭلار، بولۇنبەگ تەختتىن چۈشۈپ ياساۋۇللارغا بۇيرۇدى، بۇلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار!
رەيھاندىن بىلەن مەنسۇرخاننى خانتويىدىن ئېلىپ چىققان ياساۋۇللار ئۇلارنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدى. بولۇنبەگ بىلەن بوزاغۇ ئاتقا مىنىشكەنىدى.
مەنسۇرخاننىڭ لەشكەرلىرى پاتپىراق بولۇپ كەتكەنىدى. تۈمەنلىگەن لەشكىرى بەدەلقارت داۋىنى تەرەپتىن قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ ھاياجاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن رەيھاندىننىڭ كۆڭلى كۈلكۈن كەلگەن
دەريادەك دولقۇنلاندى. ئۇ بېشىنى تىك تۇتۇپ قەدىمىنى تېزلەتتى. مەنسۇرخان بوينىدىن باغلاپ سۆرۈلگەن ئىتتەك كەينىگە داجىپ پۇت يۆتكىيەتتى.
قەشقەر بۇغراخانى لەشكەرلىرىنىڭ ئالدى يېقىنلاپ قالغانىدى. بولۇنبەك:
— بارلىق سىپاھلار ئاتتىن چۈشۈپ تىزلىنىڭلار! — دەپ بۇيرۇدى. ئۆزىمۇ ئاتتىن چۈشۈپ تىزىلاندى. ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان كۆرەڭ مەنسۇرخان گەدىنى قويمايمۇ، تىزلانغىلى ئۇنىمىدى، بوزاغو گەجگىسىدىن بېسىپ تىزلاندۇردى.
ئۆزەر — ئۆزۈرلىرى بىلەن يېتىپ كەلگەن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كۆزى قوللىرى زەنجىر بىلەن باغلاندۇرۇپ قويۇلغان مەنسۇرخان بىلەن رەيھاندىنغا چۈشتى. ئۇ كىچىكىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، سەمەرقەنت، ئۆزكەنتلەردە بىللە جەڭ قىلغان مەنسۇرخاننى تونۇدى، قېرىنداشلىق مېھرى يۈرىكىنى تىترەتتى. ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ قوللىرىنى باغلاقتىن بوشاتتى.
— تۈرۈك خاقان ئىنىم، سىزنى بۇ ھالدا كۆرۈرەمن دەپ ئويلىمىغانىدىم.
مەنسۇرخان يەردىن باش كۆتۈرمەي تىزلانغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.
رەيھاندىننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن يۈسۈپ قادىرخانغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغىلى بارغان ئۆدمىش بىلەن بويانقار تىز چۆكۈپ:
— ئەمرۇل مۆمىنىن، رەيھاندىن بېگىم بىلەن كۆرۈشكىيلا، — دەپ ئۇنى كۆرسەتتى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇغراخان ئالىيلىرى، مۇبارەك دىدارلىرىغا ئىنتىزار ئىدۇق، — دېدى رەيھاندىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ زەنجىرلەنگەن قوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان ھالدا.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز بىلەن دىدار كۆرۈشۈشكە
مەنمۇ ئىنتىزار ئىدىم، يۈسۈپ قادىرخان ئۇنىڭ قوللىرىنى زەنجىردىن بوشىتىپ قۇچاقلىدى، ئاللانىڭ ئېنايىتى بىلەن ئەلىنى قىرغىنچىلىقتىن، بىزنى ناھەق قان تۆكۈشتىن ساقلاپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر، رەيھانىدىنبەگ.
رەھمەت ئالىيلىرى، مەن پەقەت بەندىلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم. ئەلىنى ئەمىنلىككە يەتكۈزگەن، خاقانلارنى ئىنساب، ئادالەتكە يۈزلەندۈرگەن تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن.
تەقدىرنىڭ بۇ كارامىتىدىن بولۇنبەگ، بوزاغولارنىڭ كۆزلىرى پىيالىدەك يوغىناپ، ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كەينىدە گىدىيىپ تۇرغان دوقاقبەگ ھەيران قېلىپ: «رەيھانىدىنبەگ يەنىلا بىزدىن ئەقىللىق چىقتى» دەپ ئەجەبلەندى.
يۇلتۇزلۇق ئاسماندا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئاينىڭ نۇرى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ دۇبۇلغىسىغا قادالغان ئالتۇن تاجدا چاقناپ، رەيھانىدىننىڭ چىرايىدىكى خۇش تەبەسسۇمغا قوشۇلۇپ كەتتى…
4
يۈسۈپ ئويغانغاندا چولپان تۇغقانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەھەر تۇرۇپ كەتكىنىدىن ئاجايىپ بىر تۇيغۇغا چۆمۈپ «ئاتام پات ئارىدا قايتىپ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ، جەڭ بولغاندىمۇ زادى؟ ياق، جەڭ بولمىدى، بولمىسۇن ئىلاھىم. ئاتام كەلگۈچە <نورۇزنامە>نى يېزىپ پۈتكۈزۈۋەتسەم بولاتتى…» دەپ ئويلاپ شامنى يورۇتتى. ياستۇقى ئاستىغا باستۇرۇپ قويغان كىتابنى ئالدى. بۇ ئەرەب شائىرلىرىنىڭ ئالماناخى ① ئىدى.
يۈسۈپ، تۆت بەش يىلدىن بېرى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەرەب ئەدەبىي تىلىنى خېلى پىششىق بىلىۋالغانىدى. ئەرەب شائىرلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلىرىنى
① ئالماناخ بىرلەشمە توپلام.
چۈشىنەلمەيدىغان، مەنەسىگە يېتەلمەيدىغان بولغانىدى. ئۇستازىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يادلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرچە شېئىرلارغا ئەرەبچە يېزىلغان شېئىرلار قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل دەپتىرى توشۇپ بارماقتا ئىدى. ئۇنىڭ سەبىي دىلى شېئىرغا ئىشتىياق باغلىغانىدى. شۇدەم ئۇ ئالماناخ ئىچىدىكى ئەيشا ئىسىملىك ئەرەب شائىرىنىڭ تۆت قىز ھەققىدە يازغان تەسىرلىك قەسېدىسىنى ئاجايىپ زوق بىلەن ئوقۇشقا كىرىشتى… كۆز ئالدىغا قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى كونا چېدىر كەلدى. ئەنە، چېدىر ئالدىدا بىر تۆگە يانپاشلاپ يېتىپ كۆشەۋاتىدۇ. چېدىر ئىچىدە بىر بوۋاي جاينامازدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلماقتا. چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان ئانا تەندە ئارپا ئۇنىدا خېمىر يۇغۇرماقتا. بىر - بىرىدىن چىرايلىق تۆت ئاچا - سىڭىل تېزلىرىگە قويۇلغان ئاق شاھى ياغلىققا يۈرەككە ئوخشىتىپ كەشتە توقۇماقتا. ئۇلار بۇ ياغلىقلارنى ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرگەن مەرد يىگىتلەرگە تەقدىم قىلماقچى. قېنى، قايسى ئەزىمەت ھەممىدىن بالدۇر ئۇ قىزلار توقۇغان ياغلىققا ئېرىشەلەيدۇ؟
قەسېدىدىكى سۆز دۇردانىلىرىدىن توقۇلغان ئاجايىپ نەپىس مىسرالار بەتلىەردە قۇيۇلغانىدى، تۆت قىزنىڭ ھۆسۈن - جامالى ھەرقانداق يىگىت ئاشقى شەيدا بولغۇدەك سۈرەتلەنگەنىدى.
بۇ قەسېدە يېزىلىپ ئەرەب دىيارىغا تارقالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرەزەنتلىرى چۆلدىكى ئاشۇ تۆت قىزغا مەپتۇن بولۇپ ئاتلىنىپتۇ. باشقىلاردىن بۇرۇن يېتىپ بارغان تۆت شاھزادە قىزلارنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى پەرەزەنت غېمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپتۇ.
ئۇستاز ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇمنىڭ يۈسۈپكە ئېيتىپ بېرىشىچە، كېيىن - كېيىندىن بالىغەتكە يېتىپلا لايىق چىقماي ئولتۇرۇپ قالغان تۆت قىزنى ئېلىپ، شەھەردىن چۆلگە چىقىپ كەتكەن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ تۆككەن كۆز ياشلىرى قۇمغا سىڭىپ كەتكەندىكەن. بىر كۈنى تۆگىگە مىنىپ ئۆتۈپ
كېتىۋاتقان شائىر ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختاپ، ئۈنسىز-تۈنسىز ئېچىلىپ ماتەمچى بولۇپتۇ. قىزلارنىڭ ئاتىسى ئۇنى تونۇپ قېلىپ خوشاللىق بىلەن چاقىرىشقا باشلاپتۇ. يالغۇز تۆگىسىنى سويۇپ شورپا سېلىپ، تاماق ئېتىپ قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن شائىر ئۆزاپ مېڭىش ئالدىدا: — ئەي پىدەر، يالغۇز تۆگىڭىزنى سويۇپ بىزنى مېھمان قىلدىڭىز، ئېيتىڭ، نېمە ھاجىتىڭىز بار، ئېيتىڭ، — دەپتۇ. بوۋاي يىغلاپ تۇرۇپ، كۆرۈمسىز تۆت قىزىنىڭ بارلىقىنى، شۇلار ھەققىدە بىر قەسەدە يېزىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا يۇقىرىقى قەسەدىنى يېزىپ چىققانىكەن. يۈسۈپ شۇ تاپتا تىل بىلەن ئىپادىلەش قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئاجايىپ كۈچلۈك تەسىرات ئىلكىدە قىزلارنىڭ نىداسىنى ئاڭلىغاندەك، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ياغلىقلارغا چېچىلغان ئەنبەرنىڭ خۇشبۇيىنى ھىدلىغاندەك بولۇپ تاقەتسىزلەندى. «ئەتتەڭنەي، شۇ چاغلاردا تۇغۇلۇپ قالغان بولسام، بۇ قەسەدىنى ئوقۇپ، كەنجى قىزنىڭ ئىپادىلىك كەشتىلەنگەن ياغلىقىغا بىرىنچى بولۇپ ئېرىشكۈچى مەن بولۇپ قالاتتىمكەنمەن. كاشكى، كاشكى…» دەپ ئويلىدى. بۇ تۇيغۇن بىر بالىلىق سەبىي ھېسسىياتى بولۇپ، گۆدەكلەرچە شېرىن خىيالنىڭ سەزگۈر قەلب دەرىزىسىنى چېكىشى ئىدى. يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزە ئالدىغا كەلدى، ئىككى مۇشتۇمىنى تىرەپ ھويلىغا كۆز سالدى. ياز تېگىنىڭ مەيىن شامىلى كۆل بويىدىكى مەجنۇنتاللارنى يەلپۈپ، ئېچىلىشقا يۈزلەنگەن گۈل - غۇنچىلىرىنى سۆيمەكتە ئىدى. تۆت قىز ھەققىدىكى قەسەدە ئۇنىڭ ئىلھامىنى قاناتلاندۇرغان، پىكىرىنى راۋانلاشتۇرغانىدى. ئۇ دەرىزىنى قىيا ئېچىپ، چولپاننىڭ نۇرى چېچىلغان ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ كەينىگە ياندى. ئۇستازىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن يېزىلىۋاتقان «نورۇزنامە»گە كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆزىنى داۋاملاشتۇردى. سۈبھى يورۇپ، ئۆپۈق يۈزىدە ئوتقاشتەك
شەپەق پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يېزىپ بولدى. قايتا - قايتا ئوقۇپ تۈزىتىپ ئاققا كۆچۈردى ۋە ھەر كۈندىكىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن قارىخانىغا كېلىپ ئۇستازىغا ئوقۇپ بەردى.
كەلدى نورۇز، لەھەن كەلدى، جۈتنى سۈرەر تەمەن كەلدى. بۇزۇپ قىرغاق ئوقۇچۇپ ئەگىز، سۇ پەرىسى بىلەن كەلدى. تىلغاپ يەرنى نۇرغا قاقلاپ، سېخى باتۇر كەتەمەن كەلدى. يەڭنى تۈردى يىگىت قىردا، قىزلار كۈلۈپ چېچەن كەلدى. پەيلىنىپ كۆك مايسا - ئوتلار، بۇ يىل ھاۋا بەلەن كەلدى. تۇرنا - غازلار قىلىپ پەرۋاز، ئاپپاق مامۇق بەدەن كەلدى. تاغدىن چۈشكەن كۆك بۆرىگە، ئوتلاپ تويغان جەرەن كەلدى. يىلقا چىقتى كەڭ يايلاققا، چوپانلاردىن سۈرەن كەلدى. كۈمۈش شاختا زۇمرەت ياپراق، گۈل بەرگىدە تىكەن كەلدى. كۈلۈپ غۇنچە سايرام بۇلبۇل، دالا - باغقا چىمەن كەلدى. شادلان خەلقىم - بوشلار، قوللار، ساڭا ئۆز، ھۆر ۋەتەن كەلدى.
- بارىكاللا بالام، خاقاندىن تىللا ئىنئام ئالغان ئەنەپى شائىردىلا ھېسسىياتلىق يېزىپتۇسەنغۇ، - دېدى ھاياجاندىن
يۈرىكى ئويناپ كەتكەن ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم يۈسۈپنىڭ دولىسىغا قېقىپ، ئۇ بالىلار يىغىلغاندىن كېيىن يۈسۈپنى ئالدىغا چاقىرىپ «نورۇزنامە»نى ئوقۇتتى. ساۋاقداشلىرى: — بەلەن يېزىپسەن يۈسۈپ، — دەپ سورەن سېلىپ ئالقىشلاشتى.
ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ئۇنى سول ياندىكى دەرسخانىغا يۆتكەپ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ پەنلىرىدىن دەرس بېرىشكە، ئەبجەد ھېسابى①نى ئۆگىتىشكە باشلىدى. يۈسۈپ ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. ئەستە تۇتۇشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»نى يادلىۋالغانىدى. ئۇ ئەدەبىيات، تارىخ ئىلمىگە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى، بۇ ھەقتە يېزىلغان فارابى، ئىبىن سىنانىڭ ئەسەرلىرىنى، ئەرەب تىلىدىكى تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىققانىدى. ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ئەقلى چوڭ بولغاچقا، ئاقىللار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالايتتى. پىكرى راۋان، ئوچۇق، ئەدەپلىك بۇ شاگىرتنى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ياخشى كۆرەتتى. ئىززەتتە قىلاتتى. يۈسۈپنىڭمۇ تۆت - بەش يىلدىن بېرى بۇ ئۇستازىغا بولغان ھۆرمىتى، مېھرى - مۇھەببىتى كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ھەر قېتىم ئۆيىگە بارغاندا، ئۇستازى يېڭى - يېڭى كىتابلارنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلاتتى. سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق لاتا قەغىزىگە كۆچۈرۈپ شىرازلانغان② مۇقاۋىغا ئالغان «مىڭ بىر كېچە»نى ئىمزالاپ قويۇپ تەقدىم ئەتكەندى.
مەخدۇمنىڭ ئايالى ھاۋاخان ئانىچە يۈسۈپنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ كۈتۈۋالاتتى. يەتتە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئاقبىرا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنەتتى، يۈسۈپنىڭ
① ئەبجەد ھېسابى — سان بىلەن ئەمەس، ھەرپ بىلەن ھېسابلىنىدىغان قىزىقارلىق ھېساب ئىلمى. ② شىرازلانپ — تۈپلەپ.
لەرزان، جاراڭلىق ئاۋازىغا قۇلاق سالاتتى. بۇ ئائىلىنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرگەن يۈسۈپ زادىلا تارتىنمايتتى. ئۆتكەن يىلدىن بېرى ھاۋاخان ئاغىچا مەھەللىدىكى قىزلارنى ئۆيىدە ئوقۇتۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا يۈسۈپ بۇ ئۆيگە ئاز كېلىدىغان بولدى. ئۇ تېخى بالا ئىكەنلىكىگە قارىماي ئىشلارنى ئەنە شۇنداق ئىنچىكە ئويلايتتى.
يۈسۈپ بۈگۈن چۈشتە ئۆيىگە كېلىپ، پېشايۋاندا بوۋىسى بەگتۆمۈر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بويانقارنى كۆردى. «ئاتام قايتىپ كەلدىمۇ نېمە؟» دەپ ئويلاپ ئېتتەك بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. بويانقار بويى يۈسۈپ چاغلىق بولۇپ قالغان يۈسۈپنى بىر كۆتۈرۈپ، يەرگە دەسسىتىپ قويدى، ئاتىسىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى يەتكۈزدى.
— ئوردۇكەنتكە باردىڭلارمۇ؟ — سورىدى يۈسۈپ.
— بارمىدۇق، — دېدى بويانقار مەغرۇرلانغان ھالدا.
— نېمىشقا؟
— قەشقەر بۇغراخانى ئالدىمىزغا كېلىپ قالدى.
— مەنسۇرخانچۇ، جەڭ بولمىدۇمۇ؟
— جەڭ بولمىدى، ئۆكام، بولۇنبەگ مەنسۇرخاننى ئەسىر قىلىپ قەشقەر بۇغراخانغا تۇتۇپ بەردى.
— ئاتامچۇ، قەشقەر بۇغراخانى بىلەن كۆرۈشكەندۇ؟
— كۆرۈشتى. مەن بۇ غەلىبە خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇرۇنراق كەلدىم.
— بولۇنبەگ قەشقەر بۇغراخانغا ئۆچ ئىدىغۇ؟
— بۇنى مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم، بەگ ئاتام كەلگەندە چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، ئۆكام.
— بۇنى مەنمۇ چۈشەندۈرۈپ قوياي، بالام، — دېدى بەگتۆمۈر، — كېلىڭلار، ئولتۇرۇڭلار.
بويانقار، يۈسۈپ ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا ئولتۇردى.
— بالىلىرىم، بولۇنبەگ ئۆزىنىلا كۆمۈچكە چوغ تارتىدىغان
ئىككى يۈزلىمە، مەككار، پۇرسەتپەرەس ئادەم. ئەھۋالغا قاراپ ئۆز جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قارا نىيىتىنى يوشۇرۇشقا، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇستا. جەڭ قىلىپ زەپەر قازىنىشقا كۆزى يەتمىگەچكە، يۈزىنى بىرلا ئۆرۈپ مەنسۇرخانغا ئاسىلىق قىلغان گەپ.
— راست دەيدىلا، بوۋا، — دېدى يۈسۈپ، — ئاسىلىق قىلىش مۇناپىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتى.
— بويانقار ئەمەس، سەن بىللە بارغاندا كۆپ سۆزلىۋاتىسەنغۇ بالام، — بەگتۆمۈر نەۋرىسىنىڭ سۆزىدىن سۆيۈنگەن ھالدا بويانقارغا قاراپ دېدى، — قارىغاندا، بولۇنبەگ خىزمەت كۆرسەتكەن سەرگەردە بولۇۋاپتۇ — دە.
— شۇنداق، بوۋا. لېكىن، رەيھاندىنبەگ ئاتام بۇنى بىلىدۇ، تۈلكە قۇيرۇقىدىن ئېلىنماي قالمايدۇ.
— بويانقار ئاغامنىڭ دېگىنى بەك توغرا، ئەھمەد قەشقىر بۇغراخاننى بىلەن ئاتامنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك ئىكەن، بوۋا، مەن بەگتاش بوۋامغا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزەي.
يۈسۈپ بەگتاش ئابدۇللا داموللا بوۋىسىغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. بويانقار ئوردا ۋە ھەرەم كىلەرنى ئايلاندۇردى. بالاساغۇندىكى ئاۋاممۇ شۇ كۈنلا بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، قىرغىنچىلىق بولمايدىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، قەشقىر بۇغراخاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى.
كوچا — كويلار سىپىرىپ سۇپۇرۇلۇپ، سۇ چېچىلدى، كۆللەرنىڭ سۈيى يېڭىلاندى، يول ياقىلىرى گۈل — گىياھلار بىلەن بېزەلدى. قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھال رەڭ قىزىل تۇغى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قادىلىپ، شەھەر ئاجايىپ كۆركەملىشىپ كەتتى. يەتتە دەرۋازا ئۈستىگە ناغرا — سۇناي، بۇغرا — كاناي ئېلىپ چىقىلىپ، چېلىشقا تەييار قىلىندى.
ھەرەم ۋە ئوردا ئىچىمۇ بېزىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چاقناپ كەتتى.
بۇيانقار كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى، قەشقىر بۇغراخاننىڭ بالاساغۇنغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كېلىپ ئوردا قوزغىلىپ كەتتى. بۇغرا قاراخان جەمەتى، چوك - كىچىك، ياش - قېرى ئەكابىر - ئەشرەپلەر، ياساۋۇل نۆكەرلەر قارشى ئېلىش ئۈچۈن دەبدەبە بىلەن يولغا چىقىشتى. شەھەردىكى ياغما، قارلۇق، چۇغراق، چىگىل، قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ يەتتە چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۆزۈن سەپ ھاسىل قىلدى.
يولغا پاكلىق ۋە ئاقيوللۇقنىڭ بەلگىسى بولغان ئاق پايانداز سېلىنغانىدى. تېرەك بويى ئۆرلىگەن كۈن نۇرى يېڭى كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ يولنىڭ ئىككى قاسىنىدا تۇرغان سانجاق - سانجاق ئادەملەر توپىغا چۈشۈپ، قىز - جۇۋانلارنىڭ چاچ تەڭگىلىرىدە، زىرە - ھالقىلىرىدا چاقناپ ئوينايتتى. چۆدەرىياسىدىن ئەسكەن مەيىن شامال يول ياقىسىدىكى دەر - دەرەخلەرنىڭ زۇمرەت يوپۇرماقلىرىنى شىلدىرلىتىپ ئويناپ، يۈزلەرگە يېقىملىق ئۇرۇلاتتى. ھەممىنىڭ كۆزى يولدا ئىدى.
سەپنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىدىن شەيخۇلىسلام بەگتاش ئابدۇللا داموللا قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئورۇن ئالغانىدى. بۇلارنىڭ باشلىرىغا قارا كۆك، سارغۇچ كۆڭلەكلەر سايە چۈشۈرگەندى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇغرا تۆگە قۇيرۇق چۆرۈپ تۇرۇشاتتى. تۆگىلەرنىڭ بىرىگە چىرايلىق ياسالغان ئالتۇن توقا① ئورنىتىلغانىدى. تۆگىنىڭ قۇيرۇقىغا زەر چۆچۈلۈك قىزىل يىپەك لېنتا چىگىلگەن، قىزىل يىپەك شوينىغا يۆگەلگەن ئالتۇن زەنجىردىن ياسالغان نۇقتا تۇمشۇقىغا سېلىنغانىدى. بوينىغا ئارسلان تىرنىقى، بۆرە ئوشۇقى، يىلان مۆڭگۈزى قاتارلىق مۇنچۇق② ئېسىلغانىدى. قالغان تۆگىلەرگە كۈمۈش توش③ ئورنىتىلغان بولۇپ، قەشقىر
① ئالتۇن توقا — ئېگەرگە ئوخشايدىغان، ئۈستىگە مامۇق يېپىلغان ئالتۇن تەخت. ② مۇنچۇق — تۆگە، ئاتلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان زىننەت بۇيۇمى. ③ توش — ئېگەرسىمان تەخت.
بۇغراخانى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ھەمراھلىرىنىڭ مىنىپ قوزغۇلانغا قارشى ئۈچۈن تەييار قىلىنغاندى. تۆگىلەرنىڭ چۆللۈكلەرنى بويانقار، ئادار، يارۇق قاتارلىق ئالىپلار تۇتقانىدى.
5
يۈسۈپ ئۇستازى ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇمنىڭ يېنىدا تاقەتتى تاق بولغان ھالدا يولغا قاراپ ئاتاتتى. ئانىسى، ئاچىلىرىمۇ ئوردىدىن چىققان خانىش، مەلىكە، كېنىزەكلىرىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە تۇرۇشقانىدى.
— كەلدى، ئوردۇكەنت بۇغراخانى كەلدى، ئاتام كەلدى! — ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان يۈسۈپ سەكرەپ كەتتى. ئۇ كۈمۈش جاملارغا مۇزدەك جۇلاپنى تولدۇرۇپ تۇردى.
ئالدىدا توققۇز ھال رەڭ تۇغنى كۆتۈرگەن تۇغچىلار، ناغرا — كانايلارنى ياڭراتقان قىرىق نەپەر شادىيانچىلار، ئاندىن ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن توققۇز ھۆرمەت قاراۋۇلى يېتىپ كېلىپ ئاتتىن چۈشۈشتى ۋە ئىككى يانغا بۆلۈنۈپ ئارىلىقتىن يول ئېچىپ قويدى. قىزىل تورۇققا مىنگەن يۈسۈپ قادىرخان چوك ئىنىسى ئەھمەد بىننى ھەسەن، ئىككىنچى ئىنىسى ئەلى بىننى ھەسەن، ئوغۇللىرى سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد ئارسلانخان، مەھمۇد ئارسلانخانلارنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلدى ۋە ئېگىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن شەيخۇلىسلام باشلىق دۆلەت ئەركانلىرىغا جاۋاب سالام قايتۇرۇپ ئاتتىن چۈشتى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قوزغۇدۇلۇق قېرىنداشلىرىم. ئاللا سىلەرنى ئامان، يولۇڭلارنى راۋان قىلسۇن!
— ئوردۇكەنت بۇغراخانى — بىزنىڭ بۇغرا خانىمىز!
— غازى پادىشاھنى قارشى ئالىمىز!
گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك پەلەكنى قۇچقان ئاۋام ساداسى توختىماي ياغرىدى.
مەڭزى ئاناردەك قىزارغان يۈسۈپ ئېتتەك بارغانسېرى يېقىنلاپ بولۇپ قەشقەر بۇغراخانغا كۈمۈش جامنى سۇندى.
- بۇغراخان ئاتا، ھارمىغايلا، پەرزەنتلىرى ئۈمىدۋارلىق ئېلىپ كەلدىم.
- تۇرغىن، بالام، - يۈسۈپ قادىرخان كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ سەل تىترەپ تۇرغان قوللىرىدىن جامنى ئالدى، مۆجىزىدەك جۇلالاپ تۇرغان ئوتلۇق، - جۈرئەتلىك ئىكەنسەن، بارىكاللا، - ئۇ يەنە بىر ئوتلاپ سورىدى، - ئوقۇۋاتامسەن؟
- ئەلۋەتتە، بۇغراخان ئاتا.
- نېمىنى ئۆگىنىۋاتىسەن، بالام؟
- ئالەم ۋە ئادەم توغرىسىدىكى بىلىمنى.
- ئالەم دېگەن نېمە ئىكەن؟
- چەكسىز بوشلۇق ۋە سان - ساناقسىز جىسىم ئىكەن.
- ئادەم دېگەنچۇ؟
- سۆزلەيدىغان مەخلۇق ئىكەن.
- ھازىر نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟
- پادىشاھ ۋە ئاۋامنى.
- بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلماقچىسەن؟
- زېمىننى دەسسەپ، ئادەمگە يۆلەك بولاي دەيمەن.
- غەيرىتىڭ چوڭ ئىكەن، يارايسەن، بالام. بۇ خىسلەتلىك ۋۇجۇد دەرىخىڭگە نېمە جىسىم قويۇلغان؟
- يۈسۈپ! - ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلاپ چىقتى.
- ئىككىمىزنىڭ ئېتى ئوخشاش ئىكەن، - كۈلدى بۇغراخان جۇلانى يەنە بىر سۈمۈرۈپ.
- كىمنىڭ ئوغلىسەن؟
- رەيھاندىنبەگنىڭ، شاھ ئاتا، - يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ كەينىدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئاتىسىنى كۆرسەتتى. يۈسۈپ قادىرخان باش لىڭشىتىپ بەكمۇ زوقلانغان ھالدا دېدى:
— بالام، ئاتاڭدەك خەلق غېمىنى يەيدىغان ئادالەتپەرۋەر ئادەم بولۇشنى خالامسەن؟ — خالايىمەن، شاھ ئاتا، ئۇلۇغ ھاجىپ بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. — تەڭرىم تىلىكىڭگە يەتكۈزسۇن، بالام، — بۇغراخان ئېگىلىپ يۈسۈپنىڭ ئاپتاپتا كۆيگەن پېشانىسىگە سۆيدى ۋە نەزىرىنى رەيھاندىنغا ئاغدۇردى، — بەگ، بۇ سۆيۈملۈك ئوغلىڭىزنى ئەتە ئوردا ئېلىپ بارغايسىز، ھەممىھەت بولغۇم بار. — يۈسۈپ قادىرخان جولاپنى ئېچىپ، جامنى يۈسۈپكە بەردى. — بۇغراخان ئالىلىرى، نانغا مەرھەمەت قىلغايلا. يۈسۈپ قادىرخان قاراپ، تىزلىنىپ نان سۇنغان بوۋاينى كۆردى. بوۋاينىڭ ساقىلىمۇ سەللىسىدەك ئاپپاق ئىدى. كۆك شايى بەلباغقا خەنجەر ئېسىقلىق تۇراتتى. — ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ئاتا، — بۇغراخان ئونىڭدىن تىنچلىق — ئامانلىق سوراپ، كۈمۈش تەخسىدىكى چوغدەك قىزىرىپ پىشقان گىردە ناندىن ئوشتۇپ ئاغزىغا بىر پارچە سالدى، — ئەجەب مەززىلىك ئىكەن. ئىسمىڭىز نېمە، ئاتا؟ — ئاشانبۇقا، شاھىم. — قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ — يەتمىشتىن ئاشتىم، شاھىم. — قايسى قەبىلىدىن؟ — چىگىل قەبىلىسىدىن، شاھىم. — بوشمۇسىز، قولمۇ؟ — رەيھاندىنبەگكە قول ئىدىم، ئازاد قىلىۋەتتى. ئەمدى قولدار بولۇپ قالدىم، كاتتا بېغىممۇ بار. — شۈكۈر قىلىڭ، ئاتا، تەڭرىم قوللارنى ئازاد قىلغان بەندىسىنى دوست تۇتىدۇ. مەنمۇ قوللارنى ئازاد قىلغان پۇقرانى
قەدىرلەپ دوست تۇتۇمەن. — پېقىرمۇ قوللىرىمنى ئازاد قىلىۋېتىمەن، شاھىم. — تەڭرىم سىزگە رەھمەت قىلسۇن، ئاتا. — ئازۇن ئەلچىسى ① بولۇپ ئۆتكىلا، شاھىم. ئاشانۇقا دۇئا قىلىپ كەينىگە ياندى. يۈسۈپ جامغا تولدۇرۇلغان جۇلانى ئاتىسىغا سۇندى. رەيھاندىن ئۇنى باغرىغا يېقىپ تۇرۇپ جۇلانى ئىچتى. يۈسۈپ قايتىپ بېرىپ ئاچىلىرىغا ياساۋۇللار مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان ئېگىز چاقلىق بىر قانچە مەپىنى كۆرسەتتى. زەمۇران ئانا بىر تەلەكتە نان، ئايتۇلۇن، ئايسىلىغلەر ئىككى جام شەربەتنى ئېلىپ مەپىنىڭ يېنىغا كېلىشتى. مەپە ھەيدىگۈچىدىن سوراپ بۇ چىرايلىق بېزەلگەن مەپىدە خانىشنىڭ بارلىقىنى بىلدى. زەمۇران ئانا مەپىنىڭ ئالدىغا تارتىلغان گۈللۈك پەردىنى كۆتۈردى. يۈزىگە يېپىقلىق چۈمبىلىنى قايىرىپ تەزىم قىلدى. — خانىش ئالىيلىرى، خوش كېلىپلا، مۇبارەك قەدەملىرى دىيارىمىزغا بەرىكەت ئېلىپ كەلمىش… ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرمەي ئەجەبلەنگىنىچە داڭ قېتىپ قالدى. ئۇ خانىشنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئالتۇن تارتىم ئادىرا تۈركەن خاتۇننى كۆرگەنىدى. مەرھۇم ئەھمەد توغانخاننىڭ بۇ خوتۇنى تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەندىن بۇيان ئىز - دېرىكى بولمىغانىدى. «ھە، ئوردو كەنتكە يوشۇرۇن قېچىپ بېرىۋاپتۇكەن دە. قوزغۇلاڭغا نېمىشقا كەلدىكىن؟…» — زەمۇران ئاغىچىمۇ بۇ، مېنى تونۇۋالغان ئوخشىماملا؟ — دېدى ئالتۇن تارتىم ئادىرا كۈلۈمسىرەپ. — قانداقمۇ تونۇماي، قەسىرلەرگە مېھمانغا چاقىرىپ تۇراتتىلا ئەمەسمۇ، — زەمۇران ئانا ئۇنىڭغا يۈز بېقىپ
① ئازۇن ئەلچىسى — جاھان شاھى.
كۆرۈشتى. — ئالتۇن تارىم ئەسھابىكە بىلەن كۆرۈشسۇن، دېدى ئادرا مۇڭلۇق كۆزلىرى بىلەن ئىما قىلىپ. ئاندىن ئۇنى خانىشقا تونۇشتۇردى، — قوزغۇردىكى زەردار بەگتۆمۈرنىڭ رەپىقىسى بولىدۇ. قوزغۇردىكى چېچىمدا دائىملىق مېھمىنىم ئىدى. — كۆرۈشكىنىمدىن مەمنۇنمەن، — خانىش سەل سىگار يان بولۇپ مەڭزىنى تۇتۇپ بەردى. زەمىران ئانا ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ، جايىغا قايتىپ كەلدى. شەيخۇلىسلام بەگتاش ئابدۇللا داموللا ئوردا ياساۋۇلى قولىدىن ئالتۇن توقا ئورنىتىلغان بۇغرانىڭ چۇلۋۇرىنى ئېلىپ، يېتىلىگىنىچە يۈسۈپ قادىرخاننىڭ يېنىغا باردى: — بۇغراخان ئالىيلىرى، ئاتامنىڭ بۇ تارتۇقىنى قوبۇل قىلىپ، مىنىۋالغايلا، — دېدى ئۇ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ. — ئاتاڭغا رەھمەت، — يۈسۈپ قادىرخان تىزلىنىپ چۆككەن بۇغراغا مىندى. بۇ ئۇنىڭ بۇغرا قاراخان بولىدىغانلىقىغا بېشارەت ئىدى. ئىككى ئىنىسى، ئوغۇللىرى باشقا بۇغرالارغا مىنىشتى. كۆپچىلىك قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ: — مۇبارەك، مۇبارەك! — دەپ ئالقىشلىدى. ئەمدى ئادەم مىنىشكە بىر بۇغرا قالغانىدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭغا رەيھاندىن مىندى. «مېنى تەكلىپ قىلمىدى» دەپ تەمە قىلىپ تۇرغان بولۇنبەگنىڭ چىرايى شو ھامان ئۆچتى. دوقاقبەگ بولسا «ئەمدى تۈگىشىپتۇق» دەپ يانغا قارىۋالدى. — ئەلگە تىنچ — ئامانلىق ئېلىپ كەلگەن يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھقا شان — شەرەپلەر بولسۇن! — يۈسۈپ قادىرخان بىزنىڭ بۇغرا قاراخانىمىز! — بۇغرا قاراخان بىزنىڭ شاھىمىز، خاقانىمىز! ئاتامنىڭ ياڭراق ساداسى ئەڭ ئاخىرىدا باش سېلىپ كېلىۋاتقان مەنسۇرخاننى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى.
تەرەپ - تەرەپتىن سۇنۇلغان ئۇسسۇزلۇق، نانغا قول ئۇزارتىپ، «ھەشقاللا!» دەپ ئاق پايانداز ئۈستىدە كېتىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئۇ ناھايىتى تەسىرلەنگەنىدى. كەينىدىن سوغۇدۇشۇپ كېلىۋاتقان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ھاياجاندىن قانلىرى ئۇرغۇپ، كۆڭلى شادىمانلىققا تولدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇسسۇزلۇق سۇنغان قىز - جۇۋانلارنىڭ ئالدىدا توختاپ، ئاكسىدىن خېلى كېيىن قالغانىدى. ئۇ كۆڭلى قالمىسۇن دەمىدكىن، ھەممىسىگە قول ئۇزارتاتتى، جامنى ئالسىمۇ ئىچمەي، بۇغرانىڭ بويۇن - باشلىرىغا تۆكەتتى.
— شاھزادە، ئۆزلىرىنى ئىچسۇن، دەپ سۇندۇم. تۆكۈۋەتمەي بىر يۇتۇم بولسىمۇ ئىچكەيلا!
بىر قىزنىڭ ياڭراق ئاۋازى مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ نەزىرىنى تارتتى. ئۇ قاراپ، يېشىل رومالنى قايرىپ، قىيا باققان بىر ساھىبجامالنى كۆردى، ئۇنىڭ قولىدا كۈمۈش جام بار ئىدى، كۆك كۆزلىرىدىن جەلىپكارانه نۇر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى. قول ئۇزارتىپ جامنى ئالدى - دە، كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى.
— ئۇسسۇزلۇقلىرى قانغاندۇ، شاھزادە؟ — دېدى قىز پىچىرلاپ كۈلۈپ، — خوش، ئەمدى يوللىرىدىن قالمىغايلا، — قىز ئاي يۈزىنى بۇلۇتتەك قارا چومبەر دە ئاستىغا ئالدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان پۇشقۇرۇپ بىئارام بولۇۋاتقان بۇغرانىڭ چۆلىكىنى تارتىپ ياتقۇزۇپ يەرگە چۈشتى.
— تېخى ئۇسسۇزلۇقۇم قانمىدى، بېكەچ، چاڭقاپ كېتىۋاتىمەن.
— مېنىڭ ئېلىپ يىگىتلەرگە تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئۇسسۇزلۇق سۇنۇشۇم، شاھزادە. ئەگەر تەشنالىقلىرى
ھېسلىمىگەن بولسا، ئۆيۈمگە ئەلچى كىرگۈزگەيلا، خوش، — قىز كۆزىنى قىلدى، ئونىڭ سۇمبۇل چاچلىرى ئىنچىكە بېلىگە يۆگىلىپ قالغانىدى. — ئى قوزىئوردۇلۇق پەرى، مۇبارەك ئىسمىڭىزنى بىلىشكە بولامدۇ؟ — سورىدى شاھزادە. قىز بۇرۇلۇپ چۆمپەردىنى سەل كۆتۈردى. — ئىسمىم قۇماربىكە. — سىزنى ئىزدەپ كىمنىڭ ئىشىكىگە دوقۇرىمەن؟ — يۇغرۇش بېشى قارلۇق بولۇنبەگنىڭ بوسۇغىسىغا ئاياغ باسسىلا، تەلەي قۇشى تاجىڭىزغا قونىغاي شاھزادە، — ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا چۆمپەردىنى يۈزىگە تاشلىدى. مۇھەممەد ئارسلانخان قۇماربىكىنىڭ سېھرلىك نازى، خوش چىرايىغا شەيدا بولۇپ قالغانىدى. ئايرىلىشقا قىيمىغان ھالدا، خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن ئاتىسىغا يېتىشىش ئۈچۈن بۇغراغا مىنىپ چۇلۋۇرنى سىلكىدى. سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مەنسۇرخاننىڭ قورالسىزلاندۇرۇلغان نۆكەرلىرى ئۆتتى. مەنسۇرخاننىڭ روھى چۈشكۈن بولۇپ، يەرگە قارىۋالغانىدى. ئاستىدىكى ئېتىمۇ ئىگىسىگە ئوخشاش سالپىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار يېقىنلىشىپ كەلگەندە يولغا سېلىنغان پاياندازمۇ يىغىۋېتىلدى. كەچكى شەپەق دېرىزە ئەينىكىگە جۇلا تاشلىغاندا، يۈسۈپ يارۇق بىلەن ئۆيگە يېنىپ كەلدى. ئۇ ناھايىتى خوش ئىدى. بۇرۇنراق كەلگەن بەگتۈمۈر باشلىق ھەممىسى شۇنداق خوش ئىدى. رەيھاندىن جەڭ بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېيتىپ: — ھەققانىيەت غەلىبە قىلدى، قارا نىيەتلەر مەغلۇپ بولدى، ئەل ئامان تاپتى، — دېدى. بۇ كېچە بالاساغۇن ئەھلى ئۈچۈن شادىمان كېچە بولدى. يۈسۈپ كېچىچە قەشقەر بۇغراخانى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، نېمىلەرنى دېسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كىرپىك قاقمىدى، كۆزى ئۇيقىغا بېرىشىغا يابرا ئويغىتەتتى.
— تۇرغىن بالام، ئاتاڭ چاي ئىچىپلا ئوردىغا بارىمىز، دەپ سېنى ئايۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.
يۈسۈپ ئىتتىك تۇرۇپ تاھارەت ئالدى. بۈگۈن ئۆزى يالغۇز بامداتنى ئوقۇپ، خىجىل بولغان ھالدا ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتا، سىلىنى ساقلىتىپ قويدۇم.
— ئۇخلىيالمىغان ئوخشامسەن ئوغلۇم، كۆزۈڭ قىزىرىپ كېتىپتۇ، — دېدى رەيھاندىن ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ.
— راست، ئۇيقۇم كەلمەي كېچىنى مىڭ تەستە ئۆتكۈزدۈم، ئاتا.
— ئۇيقۇسى كەلمىگەن ئادەمگە كېچە ئۇزاق تۇيۇلىدۇ. بولغىن ئوغلۇم، چاينى تېزىرەك ئىچكىن.
ئۇلار ئوردىغا كەلگەندە، يېڭى چىققان كۈن بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ قوش راملىق دېرىزىلىرىدە ھال رەڭلىك نۇر تالالىرىنى پەيدا قىلغانىدى.
يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ ئالدى بىلەن رەيھاندىن ۋە يۈسۈپنى ھەرەم ئىچىدىكى سارىيىدا قوبۇل قىلدى. ئۇ تەختتە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى، كەيپى چاغ ئىدى.
— بۈگۈن خانلىقىمىزنىڭ قوزغۇلۇشتىكى ئەربابلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىشنى زۆرۈر تېپىپ، سىز بىلەن مەسلىھەتلەشمەكچى ئىدىم، ۋاقتىدا كەلدىڭىز رەيھاندىنبەگ. ئاۋۋال بۇ كىچىك ئەزىمەت بىلەن سۆزلىشۋالاي، — دېدى ئۇ. جەڭ كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، شاھانە تون، ئالتۇن تاج كىيگەن خان تۈنۈگۈن يۈسۈپكە سۈرلۈك، ئاچچىقى يامان كۆرۈنگەن بولسا، بۈگۈن ناھايىتى مۇلايىم، خۇشخۇي كۆرۈندى. ئۇ:
— ھە، شاكىچىك، ماڭا بېرىدىغان قانداق ياخشى مەسلىھەتىڭ بار، — دېدى، يۈسۈپ:
— ئۈچ تۈرلۈك مەسلىھەتەم بار، شاھ ئاتا، — دەپ جاۋاب بەردى.
— قۇلىقىم سەندە، ھە، قېنى ئېيتقىن.
— بىرىنچى، — دېدى يۈسۈپ، — جەڭ قىلىپ بىز بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا دەخلى قىلمىغايلا، بۇغراخان ئاتا. بىز تىنچلىققا موھتاج.
— ماقۇل، بالام، بۇ مەسلىھەتنى ئېسىمدە تۇتىمەن.
— ئىككىنچى، شەھەر - قىشلاقلاردا، مەدرىسە - قارىخانىلارنى كۆپەيتكەيلا، شاھ ئاتا.
— شەھەر، قىشلاقلاردا مەدرىسە، قارىخانىلار ئاز بولسا بولمامدىكەن؟
— ھەرگىز بولمايدۇ، شاھ ئاتا. شەھەر - قىشلاقلاردا مەدرىسە، قارىخانىلار ئاز بولۇپ قالسا، مەملىكەتلىرى قۇدرەت تاپالمايدۇ، ئاۋام باياشات، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەلمەيدۇ.
— بارىكاللا، بارىكاللا، بالام، بۇ مەسلىھەتنى ئېسىمدىن چىقارمايمەن. ئەمدى ئۈچىنچى مەسلىھەتنى ئېيتىقن.
— ماقۇل، شاھ ئاتا، — يۈسۈپ بىردەم تۇرۇۋېلىپ دېدى، — ئۈچىنچى، مەن ئوقۇۋاتقان قارىخانىنى خانلىق باشقۇرىدىغان مەدرىسە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا يارلىق چۈشۈرگەيلا.
— بولىدۇ، چوقۇم يارلىق چۈشۈرىمەن، بالام.
— بۇغراخان ئاتا، باشقا ئىش بولمىسا، ۋاقىتلىرىنى ئالماي، قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا، — يۈسۈپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ كەتكەچى بولدى.
— ياق، ئىجازەت بەرمەيمەن. ئاۋۋال سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغىن، — يۈسۈپ قادىرخان يېنىغا قويۇپ قويغان كىتاب ۋە خەنجەرنى ئېلىپ ئۇزارتتى.
— بۇ ئەبۇ نەسىر فارابى ھەزرەتلىرىنىڭ «ئەقىل ھەققىدە» دېگەن كىتابى، ساڭا سىرداش بولۇپ ئەقلىڭگە ئەقىل قوشقايلار، بۇ خەنجەر ساڭا ھەمراھ بولۇپ، دۈشمەنگە بوزەك قىلدۇرمىغاي.
— رەھمەت، بۇغراخان ئاتا، رەھمەت، — يۈسۈپ ئىككى قوللاپ كىتاب بىلەن خەنجەرنى ئېلىپ سۆيۈنگەن ھالدا ئوردىدىن چىقىپ مەكتىپىگە كەتتى.
ئون ئىككىنچى باب: بەختى كەلگەن نازىنىڭ
1
ھىجرىيەنىڭ 424 - يىلى رەجەپ ئېيى. دۈشەنبە سەھەر بالاساغۇن ئاسمانىنى قارا بۇلۇت قاپلاپ، يامغۇر شارىلداپ قويۇۋەتتى. شەھەر كوچىلىرى ئۆستەڭگە ئايلاندى. دەل - دەرەخلەر راھەتلىنىپ يۇيۇنۇپ، توپا - چاڭدىن تازىلاندى. چۆدەرىياسنىڭ سۈيى ئۆرلەپ قىرغاق بىلەن تەڭلىشىپ ئاقتى. تومۇزدا ياققان بۇ يامغۇر ئادەم، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلارغىمۇ ياققانىدى. زېمىن ياشناپ كەتكەندى.
ئاتىسى بىلەن ھويلىغا چىققان يۈسۈپ ئاسمانغا قارىدى. قارا بۇلۇتلار شالاقلاپ قالغانىدى. ئۇ شىمنىڭ پۇچقىقىنى تۈرۈپ، جىلىتىنى بوينىغا ئېسىپ ماڭماقچى بولدى.
— بالام، تېخى بالدۇر، يامغۇر پەسەيسۇن، — دېدى رەيھاندىن.
— مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن ئابا، كېچىپ كېتىۋېرىمەن. بۈگۈن كىشى قارا ئەپلاتون ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچىدى.
— ئۇنداق بولسا بارغىن، بالام.
رەيھاندىن يولدا ئېقىۋاتقان يامغۇر سۈيىنى كېچىپ كېتىۋاتقان يۈسۈپكە قاراپ، يابىرانىڭ ئۆيدىن قاچان چىققانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
— بالىدىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟ ئۇنى ئاللا ئۆز پاناھىدا
ساقلايدۇ. ئەمدى مېنى كۈلۈپ ئۇزىتىپ قويۇڭ ئەزىزىم. — يامغۇر توختىسۇن، ئاتىسى، — يامغۇر باياقىدەك شارقىراپ قويۇلماي سىمىلداپ يېغىۋاتاتتى، بەجايىكى ئاسماندىن مەرۋايىت تۆكۈلۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. — بۈگۈن ئوردىدا ئىنتايىن مۇھىم كېڭەش بار. بۇرۇنراق بېرىپ بەزى ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشىم زۆرۈر. چۈشتە كېلەلمەسلىكىم مۇمكىن، كەچتە بۇرۇنراق قايتىپ كېلىمەن. — خۇدايىمغا ئامانەت، ئاتىسى! رەيھاندىن ئوردىغا كۆڭلى چاغ ھالدا كىرىپ كەلدى ۋە ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. ئۇ يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ كەينىدىن قاراخان سارىيىغا كىرگەندە، يامغۇر تامامەن توختاپ ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەنىدى. پەردىلىرى قايرىۋېتىلگەن دېرىزىدىن زۈمرەتتەك ھاۋادا پەيدا بولغان ھەسەن - ھۈسەنگە كۆزى چۈشتى. رەڭگارەڭ نۇرلىنىپ كەتكەن ھەسەن - ھۈسەن خۇددى توز قاناتلىرىدەك گۈزەل ئىدى. قاراخان سارىيىمۇ شۇنداق چىرايلىق بېزەلگەنىدى. يۈسۈپ قادىرخان ئىككى يېنىغا قاراخانىيلارنىڭ ھال رەڭ تۇغى قادالغان ئالتۇن تەخت يېنىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ بالاساغۇنغا ئاياغ باسقىنىغا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولغانىدى. رەيھاندىن تايانچۇلار كېڭىشى بىلەن دىۋان ئارىزاچىسى يۈسۈپ قادىرخان ھارۇن بۇغراخان ئوغلىنى بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇش توغرىسىدىكى قارارنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ ئۆتتى. بەگتاش ئابدۇللا داموللا زەر ياقىلىق شاھانە توننى، قىزىل گۆھەر قادالغان ئالتۇن تاجنى كىيدۈردى. — بۇغرا قاراخانغا مۇبارەك بولسۇن! — دېيىشتى دۆلەت ئەربابلىرى سۈرەن سېلىپ. بۇغرا قاراخان غازى يۈسۈپ قادىرخان تەختكە چىقىپ، مەملىكەت ئەھلىگە، دۆلەت ئەربابلىرىغا، ئالىم - ھۆكۈمالارغا، بارلىق سىپاھلارغا چىن قەلبىدىن تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ چوك
ئىنىسى ئەھمەد بىننى ھەسەننى بالاساغۇنغا ئېلىكخان قىلىپ تەيىنلەپ، پەرغانىنىڭ شەرقى، سىر، تالاس دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى، ئىككى ئۆكۈز دىيارى① قاتارلىق يەرلەرنىڭ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، رەيھاندىننى ئۇنىڭغا يۇغرۇش بېشى قىلىپ بەردى.
ئىككىنچى ئىنىسى ئەلى بىننى ھەسەننى ماۋەرائۇننەھرگە ئېلىكخان قىلىپ، خارەزم ۋە سەمەرقەنت دىيارىنىڭ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئۇنىڭغا بولۇنبەگنى يۇغرۇش بېشى قىلىپ بەردى.
ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەد ئارسلانخاننى بارسغان دىيارىغا ئېلىكخان قىلىپ تەيىنلەپ، دوقابەگنى يۇغرۇش بېشى قىلىپ بەردى. ئاندىن ئۈچ يارلىق چۈشۈردى:
بىرىنچى يارلىقتا بالاساغۇن دىيارىدىكى ئاھالىدىن ئۈچ يىلغىچە باج - سېلىق، ئالۋان ئالماسلىق، راپچات②نى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇلغانىدى.
ئىككىنچى يارلىقتا، ئىقتا دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت زېمىنلىرىنى بالىۋاقىلىرى، يېقىنلىرىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت خانلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جاكارلانغانىدى.
ئۈچىنچى يارلىقتا، تۇغ - ئەلەم، تام، دەرۋازا، مۇنار، سېپىللارغا سىزىلغان، ئويۇلغان بۆرە، بۇغرا، ئەجدىھا، يولۋاس، ئۆكۈز، شىر، بۈركۈتنىڭ سۈرەتلىرىنى قويماي ئۆچۈرۈۋېتىش بۇيرۇلغانىدى. داخان، رەمچىلەرگە ئىشەنمەسلىك تەۋسىيە قىلىنغانىدى. «ئاللا پىكىر قىلغۇچى ئادەمنى ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە دانا قىلىپ ياراتقان. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارنى ئۇلۇغلىشى ئۆزىنى پەس كۆرگەنلىك، قەدىر - قىممىتىنى تونۇمىغانلىقتۇر» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.
بۇ يارلىق ھەممىگە ماقۇل كەلدى.
① ئىككى ئۆكۈز دىيارى — بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ. ② راپچات — پۇقرالارنى ھەقسىز مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش.
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئايانغۇلار كېڭىشى ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئاۋامغا يەتتە كۈن «زەپەر تويى» ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى توغرىلۇق ئېلان چۈشۈردى. غەزنەۋىيلەر خانلىقى، سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقى، ئەرەب پادىشاھلىرى، باغدات خەلىپىسىگە يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ قاراخانىيلار مەملىكىتىگە بۇغرا قاراخان بولغانلىقى توغرىلۇق نامە ئەۋەتىلدى.
بالاساغۇندا، بۇ يەتتە كۈنلۈك «زەپەر تويى» ياش - قېرى، ئەر - ئاياللارغا ئەجەبلىك، خۇشاللىق بېغىشلىدى. چېپىش، ئات بەيگىسى، ئوقيا ئېتىش، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، ئوغلاق تارتىش، چېۋگەن ئويۇنلىرىدا ئۈزۈپ چىققان پالۋان، ئالىپلارغا ئات مىندۈرۈلدى، تون كىيدۈرۈلدى، بىر ھېجىردىن تىللا ئىنام قىلىندى. ھەممىدىن يۈسۈپنىڭ ئۇستازىنىڭ دەۋىتى بىلەن يېزىپ چىققان قەسەيدىسى بۇغرا قاراخاننىمۇ، كۆپچىلىكنىمۇ ھەيران قالدۇردى، يۈسۈپنىڭ نامى پۈتۈن ئەلگە بىر اقلا تونۇلدى. يۈسۈپ قادىرخان ئۇنى بىر لېگەن تىللا بىلەن تارتۇقلىدى…
رەيھاندىن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان يەتتە كۈنلۈك بۇ توي مەركىزىنىڭ ئاجايىپ قايناق - تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكىدىن سۆيۈنگەن، ئوغلىنىڭ ئەلگە تونۇلغانلىقىدىن ئىپتىخارلانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بېشىدا يېڭى غەم پەيدا بولغانىدى: يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بۆلۈنبەگنى ماۋەرائۇننەھرگە ئېلىكخان بولغان ئىنىسى ئەلى بىننى ھەسەنگە، دۇقاقبەگنى بارسغان شەھرىگە ئېلىكخان بولغان ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەد ئارسلانخانغا يۇغرۇش بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى ئۇنى ئويلاندۇرۇپلا قالماي، ئەنسىزلىككە سېلىپ قويغانىدى. ئۇ «تەڭرىم گۇناھىمىزنى ئۆزۈڭ مەغپىرەت قىلىپ، تىنچ - ئامان ياشىشىمىزغا نېسىپ قىلغىن. قارا نىيەت سويقەستچىلەرنى
مەقسەتكە ھەرگىز يەتكۈزمىگەن» دەپ ئىلتىجا قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
يۈسۈپ قادىرخان بولۇنبەگ، دوقاقبەگلىرىنىڭ قىساسچىلاردىن ئىكەنلىكىگە شۈبھە قىلمىسىمۇ، چىكىدىن ئاشقان قارا نىيەت سۈيقەستچىلەردىن ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيتتى. شۇڭا، ئۇلارنى ھوقۇقى، ئىمتىيازى چوڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەپ، ناھايىتى چوڭ خاتالىققا يول قويغانىدى.
رەيھاندىن بۇ توغرۇلۇق بۇغرا قاراخاننى ئاگاھلاندۇرماقچى بولاتتى - يۇ، يەنە يالتىپ قالاتتى. بۇغرا قاراخاننىڭ: «ئۇلار ئۆزلىرى ئالدىمغا كېلىپ ساداقەت بىلدۈرگەن، بوزاغۇ مەنسۇرخاننى تۇتۇپ ماڭا تاپشۇرۇپ گۇناھىنى يۇغان تۇرسا، تېگىشلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىمىسەم، ئاۋام خەلقنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويغان بولمامدىمەن. رەيھاندىنبەگ، سىز يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئاقىل، پەزىلەتلىك ئەرباب. كۆكسى - قارنىمىزنى كەڭ تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ باقايلى» دېگەنلىكى ئۆزىگە ئايان ئىدى. ئۇنىڭغا شۇنداق قىلماي باشقا چارىمۇ يوق ئىدى.
رەيھاندىن ئاشۇ خىياللار بىلەن بېشى قېتىپ «دىۋانى يۇغرۇش»تا تەككىيىگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، ئىشىك ئاستا چېكىلدى.
— كىرىڭ.
ئۇنىڭ كاتىپى ھەسەن كىرىپ كەلدى.
— جاناپلىرى، ھەرەمدىن بىر كېنىزەك كەلگەنكەن، يۇغرۇش بېشى بىلەن كۆرۈشىمەن، دەيدۇ.
— باشلاپ كىرىڭ.
ھەسەن چىقىپ كېتىپ قارا پەرەنجىلىك بىر ئايالنى باشلاپ كىردى.
— ئەسسالام، يۇغرۇش بېشى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، — رەيھاندىن سوئال نەزىرى بىلەن
ئايالغا سەپلىنىپ، ئۆلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. — رەھمەت يوغروش بېشى، دەرھال ھەرەمگە قايتمىسام بولمايدۇ. پېقىر قۇنچۇي ئادېرا تۈركەن خاتۇننىڭ كېنىزىكى بولىمەن، قۇنچۇي ئۆزلىرىنى بۈگۈن ئوردىدىن قايتقاندا، ماڭا بىر يولۇقسۇن، دېگەنىدى. — قۇنچۇي ئالىيلىرىغا يوغروش بېشى كېلىدىغان بولدى، دەڭ. كېنىزەك تەزىم قىلغىنىچە خاندىن چىقىپ كەتتى. رەيھاندىن ئوردىدىن قايتىدىغان مەھەللىدە ھەرەمگە قاراپ ماڭدى. ياز قۇياشى ئونىڭغا ئوردىنىڭ غەربىدىكى ئېگىز سېپىل ئۈستىدە تۇرغاندىلا يېقىن كۆرۈندى. ئىككى ياندىكى دەر — دەرەخلەرنىڭ بىر — بىرىنى كېسىشكەن سايىلىرى، تالا — تالا شولىلار بىلەن قوشۇلۇپ، خىيالىي يولدا ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. رەيھاندىن يېگىندىن ھال بېرىپ، نەقىش چۈشۈرۈلگەن دەرۋازىدىن ئۆتۈپ، مەرھۇم ئەھمەد توغانخاننىڭ قەسرىگە كەلدى: — تۇرغاق، قۇنچۇي تۈركەن خاتۇن ئالىيلىرىغا يوغروش بېشى كېلىپتۇ، دەپ ئېيتىڭ. ئايال نۆكەر توغرىلاندى، قەسردىن بىر كېنىزەك چىقتى. — يوغروش باشلىق كەلگىنىدىن قۇنچۇي ئالىيلىرىنى خەۋەردار قىلدۇق! كېنىزەك كىرىپ كېتىپ ھايال بولماي چىقتى. — قۇنچۇي ئالىيلىرى كۈتۈپ قالدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايلا. رەيھاندىن كېنىزەكنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، گۈل — گىياھلار خوش پۇراق چېچىپ تۇرغان قەسر ھويلىسىغا كىردى. ئۈچ پەلەمپەي بىلەن كۆتۈرۈلۈپ تام — تورۇسلىرىغا ئەينەك نۇسخا چىقىرىلغان دەھلىزگە، ئاندىن ئالدىدا تۇرغان ئازادە مېھمان
كۈتۈش ئۆيىگە كىردى ۋە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ سۈرە «مۇزەممىل»نى قىرائەت قىلىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. دۇئادىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ تۆردە، قارا پەردە كەينىدە تەكشىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان قونچۇيغا سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالتۇن تارىم تۈركەن خاتۇن ئالىيلىرى، چاقىرغان ئىكەنلا، كەلدىم.
— ئەسسالام يۇغرۇش بېشى، ئولتۇرۇسلا، ئولتۇرۇسلا. ئۆزلىرى سالامەت، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تىنچ — ئامان تۇردىمىكىن؟
— ئاۋۋالەن خۇدا، ئاندىن قالسا ئالىيلىرىنىڭ دۇئالىرى بەرىكىتىدىن سالامەت تۇرۇپتىمىز. ئۆزلىرىنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرى، ئاۋامنى ھەيران، پېقىرنى غايەت خۇرسەن قىلدى، — رەيھاندىن ئۈچ قات سېلىنغان كىمخاب يىپەك نادازدا ئولتۇردى، — تەڭرىم ئالىيلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي.
— رەھمەت جانابلىرى. مېنىڭ تۇيۇقسىز شۇنچە ئۇزاق يوقاپ كېتىپ، يەنە ئۇشتۇمتۇت بالاساغۇنغا كېلىشىم، ئۆزلىرى قەيت قىلغاندەك ئاۋامنى ئەجەبلەندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. سىلى خانلىقىمىزغا سەمىمىي — سادىق بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئەربابى. بەزى ئىشلار توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن كۆرۈشەي دېۋىدەم، — مەلىكە ئاددىرا داستىخان ئېلىپ كىرگەن كېنىزەكلەرنى كۆرۈپ سۆزىنى توختاتتى. بىر كېنىزەك رەيھاندىننىڭ قولىغا سۇ بەردى. يەنە بىر كېنىزەك، نان، گىردەك، يەم — يېمىشلەر بىلەن داستىخاننى توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەلىكە سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئۆزلىرىگە مەلۇم، مەرھۇم ئېرىم ئەھمەد توغرىخان ھاكاۋۇر، ئۆزۈمچىل بولغىنى بىلەن جاسارەتلىك ئىدى. مېنى ناھايىتى قەدىرلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، گېپىمگە كىرىپ نەچچە قېتىم قارارىنى ئۆزگەرتكەن، نىيىتىدىن يانغانىدى. بەختكە قارشى ئۇ
تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ئاشۇقى ئالچۇ چۈشۈپ، بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە ئولتۇرۇۋالدى. — ئاكىلىرى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ يىراقتا بولۇشىمۇ مەنسۇرخاننىڭ تەختنى ئاسانلا ئىگىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولدى، قونچۇي ئالىيلىرى، — گەپ قىستۇردى رەيھاندىن زەپەر سېلىنغان چايدىن يۇتلاپ. — شۇنداق، يۇغرۇش جاناپلىرى، ئاكام كۆكسى — قارنى كەڭ، ئېلىنىڭ غېمىنىلا قىلىدىغان پادىشاھ. قوشۇندۇغا لەشكەر تارتىپ كېلىشى مۇقەررەر ئىدى، ئەمما مېنى دەپ شۇنداق قىلمىغانلىقىنى بۇ قېتىم ئوردۇكەنتكە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن دىدار كۆرۈشكەندىن كېيىن بىلدىم، — مەلىكە ئادىرا ئېغىر تىندى ۋە رەيھاندىننى تاماEntitiesقا تەكلىپ قىلدى. — پېقىرمۇ شۇنداق ئويلىغانىدىم. ئالىيلىرىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، قېيىنئاكىسىغا بۇغرا قاراخانلىق تەختىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنىدى. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ بۇ مەردانىلىكى بىلەن ئاۋامنى سەرساڭ — سەرگەردان بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغانىدى. بۇ قېتىم بولسا ئاقىلانە تەدبىرى بىلەن مەلىكىنى پارچىلىنىشتىن، ئاۋامنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن يەنە بىر قېتىم ساقلاپ قالدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئالىيلىرىنىڭ ئوردۇكەنتكە بارغانلىرىنىڭ خاسىيىتى، — دېدى رەيھاندىن. — يۇغرۇش جاناپلىرى، بۇ قېتىمقى قانلىق جەڭنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىلىرى ھەممىدىن ئارتۇق، بۇنىڭدىن شاھ ئاكام بەك رازى. ئەسلىدە مەن ئوردۇكەنتتىن يولغا چىقىشتا جەڭگە قاتنىشىشنى نىيەت قىلغانىدىم ۋە لېكىن جاناپلىرى چاره — تەدبىر قوللىنىپ، بولۇشى مۇقەررەر بولغان جەڭنىڭ ئالدىنى ئالغاچقا، قىلىچىمنى قىنىدىن سوغۇرماي قوشۇندۇ دەرۋازىسىدىن كىرىشكە مۇيەسسەر بولدۇم. جەڭ بولغان بولسا ھايات قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى… — مەلىكە ئادىرانىڭ كۆزلىرى ياشلاندى، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى.
— بىزنى ئۇرۇش بالاسىدىن ساقلىغان تەڭرىدىن مىننەتدارمەن، ئالىيلىرى.
مەلىكە ئادىرا ئەھمەد تۇغۇلغان دەۋردىكى ۋە ئونىدىن كېيىن قاراخان بولغان مەنسۇرخان ۋاقتىدىكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ، ئۆز مۇددىئاسىنى بىلدۈرۈشتىن بۇرۇن سورىدى:
— يۇغرۇش جاناپلىرى، ئاكام بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە ئولتۇرغاننىڭ مابەينىدە، ئېلىمىزنى ئامانلىق، ئاسايىشلىققا يۈزلەندى، دەپ ئېيتالامسىز؟
رەيھاندىن ئازغىنا چاي قالغان پىيالىنى داستىخانغا قويدى. مەلىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەپ سوراۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق ئويلىنىپ قالدى. چىك تارتىلغان قارا پەردە قايرىۋېتىلگەن بولسا، ئۆزىنىڭ جاۋابىغا تەقەززا بولغان مەلىكىنىڭ ئويچان چىرايىنى كۆرگەن بولاتتى. شۇنداقتىمۇ مەلىكىنىڭ بوش، ئەمما مۆھلۈك ئاڭلانغان ئۈنىدىن سەمىمىي جاۋاب بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ دېدى:
— قونچۇي ئالىيلىرى، راست گېپىمنى ئېيتسام، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ بۇغرا قاراخان بولغانلىقى مەملىكىتىمىزنىڭ ئادىل ۋە دانا خاقانغا يېتىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، بۇ ئېلىنى پۈتۈنلەي ئامان تاپتى، ئاسايىشلىققا ئېرىشتى، دېگەنلىك ئەمەس.
— نېمىشقا، جاناپلىرى؟
— بۇنىڭدا ئىككى سەۋەب بار، ئالىيلىرى. بىرىنچى سەۋەب: مەنسۇرخاننى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشقا سايە قىلغانلار بىر دومىلاپلا يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، «خىزمەت كۆرسەتكەن» بولۇۋالدى. ئىككىنچى سەۋەب: بۇ يېڭى بۇغرا قاراخانىمىز ئادىل، دانا بولسىمۇ، ئەنە شۇنداق ئىككى يۈزلىمىچى كاززاپلارنى ناھايىتى مۇھىم خىزمەتكە قويدى. مۇنداق ئەھۋالدا ئېلىمىزنى قانداقمۇ
ئەمىنلىك، ئاسايىشلىققا ئېرىشتى، دېيەلەيمىز؟ — يۇغرۇش جانابلىرى، توغرا ئېيتتىلا، پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقتى. ئاكام بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە چىققان بولسىمۇ، ئاۋامنىڭ، ئۆزلىرىدەك پەزىلەتلىك زاتلارنىڭ ئىشىنىچىدىن چىقالمىغى يوق. بىر ئوچۇم ئىككى يۈزلىمە، قارا نىيەتلىكلەرگە بۇغرانىڭ تىزگىنىنى تۇتقۇزۇپ ناھايىتى يامان قىلدى. ئاتقان ئوقنى، ئېيتقان سۆزنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، خان ئاكام ئىتتىپاقلىقنى، ئامانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ بەزىلەرگە يول قويغان بولسىمۇ، يەنە بەزى خەلق غېمىنى يەيدىغان، ئەلگە جان كۆيدۈرىدىغان زاتلارغىمۇ يۇقىرى مەرتىۋە، ئورۇن بېرىپ، دۆلەت ئەربابلىرىنى تەڭشىدى. ئۆزلىرىنى چاقىرتىشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ھەقتە پىكىرلىشىش ئىدى. مەلىكىنىڭ ئوچۇق سۆزلۈكلۈكى رەيھاندىننى ھەيران قالدۇردى. ئۆزۈنىڭ دۆلەتكە، ئاۋامغا كۆڭۈل بۆلگىنىدىن تەسىرلىنىپ سورىدى: — قۇنچۇي ئالىيلىرى، كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئاڭلىدىلا، ئەمدى يېقىرنى نېمە ئىشقا بۇيرۇماقچى بولۇۋاتىدۇلا؟ — يۇغرۇش جانابلىرى، مەن ئۆزلىرىنى خىزمىتىمگە سالماقچى ئەمەس مەن ھەم ئانداق ھوقۇقمۇ مەندە يوق. لېكىن، خانلىقىمىزنىڭ پارچىلىنىشىنى، زەئىپلىشىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىنى خالىمايمەن. ئۇلۇغ بوۋام سۇتۇق بۇغراخاننىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسا ئىدى، دەپ غەم يەيمەن، — مەلىكە ئېسەدەپ سۆزلىيەلمەي قالدى. بىر كېپىنەكتەك كەينىدە تۇرۇپ يەلپۈۋاتاتتى، قارا پەردە كۆپۈپ تىترىمەكتە ئىدى. رەيھاندىن مەلىكىنىڭ يىغلاۋاتقىنىدىن كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا دېدى: — ئۈمىدسىزلەنمىسەلا، قۇنچۇي ئالىيلىرى. بۇغرا قاراخان غازى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان ھاياتلا بولىدىكەن، مەملىكىتىمىز پارچىلانمايدۇ، بەلكى قۇدرەت تاپىدۇ. چۈنكى،
ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن ئاتام ئاكىلىرىنى ھىمايە قىلىدۇ. سەمىمىي، سادىق يۇغرۇش، سۇباشىلار، ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئارسلانخانلىرى، يابغۇلىرى ئۇنى قوللايدۇ. قارا نىيەتلەر رەزىل مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ.
— تەڭرىم ئېيتقانلىرىڭغا يەتكۈزسۇن، — مەلىكە ياشلىرىنى سۈرتۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — مېنىڭ خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاكامنىڭ ئىككى ئىنىسى ئەھمەد تېكىن بىلەن ئەلى تېكىننىڭ سەلتەنەتكە ھېرىس بولۇپ، بۇغرا قاراخانغا ئاسىيلىق، خەلققە زۇلۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.
— يىگىرمىنىڭ بىلىشىگە بولامدىكىن، نېمىشقا ئۇلارنى ئاسىيلىق قىلىدۇ، دەپ گۇمانلىنىدۇلا، ئالىيلىرى، بۇغرا قاراخاننىڭ ئىنىلىرىغۇ ئۇلار؟
— شۇنداق، جاناپلىرى. ئەمدى گەپنى باشتىن سۆزلەي: ئاتام ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە بىر قىزى بارلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم. ئاتام ھەممىسىنىڭ ئوغلى سېيىت ئەلى ئارسلانخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھمەد توغانخان، مەنسۇر تېكىن، مۇھەممەد تېكىن قاتارلىق ئوغۇللىرىنى ئۆز تەربىيىسىگە ئالغانىدى. ئۇلارنى ئاكىلىرىم يۈسۈپ قادىرخان، ئەھمەد، ئەلى تېكىنلەر بىلەن ئوخشاش كۆرگەن ئاتام ئۇلارغا پۈتۈن مېھرى — مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ چوڭ قىلدى. ئەھمەد توغانخانغا مېنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇزئوردۇنى، ناسىر تېكىنگە ماۋەرائۇننەھرنى، مەنسۇر تېكىنگە ئۆزكەنت دىيارىنى سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. يۈسۈپ قادىرخان ئاكامنى ئوردۇكەنتكە تامغاچ بۇغراخان قىلدى. مەملىكەتنى تىنچ، خاتىرجەم، ئاپات قىلىشتىن ئىبارەت ياخشى تىلەك بىلەن تېكىنلەرگە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنلىرىنى بۆلۈپ بېرىش — ئۇلارنى مەغرۇرلاندۇرۇپ، بىر — بىرىنىڭ ھەققىگە قارا سانىايدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقى ئاتامنىڭ نەدىمۇ خىيالىغا كەلسۇن؟ — مەلىكە
سۈكۈت قىلىپ جىم بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا يەنە سۆزلەش ئېغىر كېلىۋاتاتتى. ئۆز يارىسىنى ئېچىش دىلىنى ئاغرىتىۋاتاتتى. ئاچمىسا يارىغا داۋا تاپقىلى بولمايتتى. رەيھاندىن بۇنى چۈشىنىپ، مەلىكىنىڭ سەمىمىيىتىدىن چوقۇر تەسىرلەندى.
مەلىكە سۆزىنى داۋام قىلدى.
— ئىبراھىم ئەھمەد توغانخان ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى، تاجوتەخت بىزگە مەنسۇپ دەپ بىلىپ، ئاكام يۈسۈپ قادىرخاننى چەتكە قېقىپلا قالماي، ئۇنىڭ پېيىنى قىرقىش كۈيىدە بولدى. مەنسۇرخاننى يېنىغا تارتتى. ئېلىمىزگە ھەمىشە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان سامانىيلار خانلىقىنى ئاكام بىلەن بىرلىكتە مەغلۇپ قىلغان ناسىر ئېلىكخاننىڭ غەلىبىسىدىن كۆزى قىزارغان ئىبراھىم ئۇنىمۇ كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقى بىلەن يېقىنلىشىپ تىل بىرىكتۈردى. ئاكام بۇنداق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇردى. مانا شۇ چاغدا ئودۇن پادىشاھى ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كەلدى. ئاكام دەرھال سەمەرقەنتتىن قايتىپ، ئودۇن پادىشاھىنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن كېسكىن جەڭ قىلدى ۋە ئۇلارنى قوغلاب يول — يولدا مەغلۇپ قىلىپ، ئودۇن شەھىرىدىمۇ قاراخانىيلارنىڭ ھال رەڭ تۇغلىرىنى لەپىلدەتتى. سېيىت ئەلى ئارسلانخان دەۋرىدىن باشلىنىپ، قىرىق يىل داۋام قىلغان ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان بولدى. ئىبراھىم توغانخانمۇ باستۇرۇپ كەلگەن قىتانلارنى تارمار قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە سۈيىقەستچى، قارا نىيەت يوغۇرۇشلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئاكام يۈسۈپ قادىرخانغا قارشى قوزغۇدۇغا لەشكەر تارتىپ بارماقچى بولدى. قالغان ئىشلار سىلىگە مەلۇم، يوغۇرۇش. ئاكام ئەھمەد تېگىن بىلەن ئەلى تېگىنگە كەلسەك، — مەلىكە سۆزىنى توختىتىپ چايدىن بىر سۈمۈرۈپ خورسىنغان ھالدا ئېغىر تىندى، — مېنىڭ بۇ ئاكىلىرىم چوك ئاكام يۈسۈپ قادىرخانغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئات مىنىش، قىلىچۋازلىق قىلىش جەھەتتە ماھىر چەۋەندازلاردىن
ھېسابلانسىمۇ، چۆچ ئاكامدەك بۈگۈن بىلگە بولالمىغانىدى. جەڭگە - جېدەلگە ھېرىس بولۇپ، تىنچ تۇرمۇشنى ياقتۇرمايتتى. ياخشى تەربىيە يوقۇمىغاچقا ھاكاۋۇر، ئۆكتەم چۆچ بولغانىدى، قارام ئىدى. بىر قانچە قېتىملىق جەڭلەردىكى باتۇرلۇقلىرىنى ھېسابقا ئالدىمۇ ياكى ئەلنى سوراپ يول تېپىپ كېتەلەيدۇ، دەپ قارىدىمۇ، بىلمىدىم، ئاكامنىڭ بۇنداق ئالتىپات كۆرسىتىشىدە قانداق غەرىزى بار ئىكەن، ئۇلارنى مۇنبەت، ئاۋات دىيارلارغا ئېلىكخان قىلىپلا قالماستىن، ئۆزىگە جان - جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇنبەگ، دوقاقبەگدەك سوغۇقسەتچىلەرنى يۇغرۇش بېشى قىلىپ بەردى. ئۇلار ئىش كۆرمىگەن مەغرۇر ئاكىلىرىمنى ئۆز مەيلىگە قويارمۇ؟ ئاسىلىق قىلىشقا قۇتراتماسمۇ؟ مەن مانا شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن.
— ئالتۇن تارىم قونچۇي ئالىيلىرى، بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشى مەقسەتسىز بولمىسا كېرەك. ئاھالەنىكى، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە. پېقىرنى بېسىۋالغان غەم تېخىمۇ ئەنە شۇ، بۇنى بايا دېگەنىدەم.
— يۇغرۇش جاناپلىرى، ئەمدى چۈشەندىم. ئۆزلىرىدىن ئۆتۈنىدىغىنىم: مەملىكىتىمىزنىڭ پارچىلىنىپ، خانلىقىمىزنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولسىلا، بۇ ئادا قىلىشلىرى زۆرۈر بولغان ۋە مەن تاپشۇرغان مۇھىم خىزمەت بولۇپ قالسۇن.
رەيھاندىن دەس تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى:
— باش ئۈستىگە، ئالتۇن تارىم قونچۇي ئالىيلىرى. ئۆزلىرى تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا جان تىكىپ تىرىشىمەن، خاتىرجەم بولسىلا.
— يۇغرۇش جاناپلىرى، مەن ئاكامنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشماقچى ئەمەسمەن ھەم ئۇنداق تەمەيمۇ يوق. مەرھۇم ئېرىم ئەھمەد توغاندىن بولغان چولپان ئىسىملىك بىر قىزىم
بار. بۇ قىزىمنى ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ئانا قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالمىسام تىلىكىمگە يەتكەن بولاتتىم. پات ئارىدا قوزغۇلاردىن يىراققا كېتىمەن، — مەلىكىنىڭ كۆزلىرى يەنە ياشلاندى.
— ئوردۇكەنتكە كېتەمدىلا ئالىيلىرى؟ نېمىشقا كەتكۈچى بولۇۋاتىدۇلا؟ ئۆزلىرىدەك غەمگۈزار بۈزرۈكۋار ئانىغا قوزغۇلدىكىلەر ناھايىتى موھتاج. كەتسىلە، ئالتۇن تارىم.
— مەن ئوردۇكەنتكە كەتمەيمەن، ئولتۇرۇسلا، — رەيھاندىن ئولتۇرغاندىن كېيىن مەلىكە سۆزىنى داۋام ئەتتى، — ئاتام يەتتە ياشقا كىرگىنىمدە «چولپان يۇلتۇزىدەك پاكلىق كۆكتە نۇر چېچىپ ياشىغىن» دەپ يارۇغلۇق دېگەن ئىسىمنى قويۇپ قويغانىدى. تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە كىشىلەر بۇۋاق چېغىمدا قويغان ئىسىمنى ئاتىشىپ كەلمەكتە. «يارۇغلۇق» دېگەن ئىسىم يۈرەك قېتىمدا ساقلىنىپ قالدى. ئاتامنىڭ ئۆمۈرىدەك پاك ياشاپ ئۆتكۈم بار، يۇغرۇش جاناپلىرى. ھازىر مەن بىر ئايال، بىر ئانا. دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىمۇ يوق. قىزىمنى، مەھرىملىرىمنى ئېلىپ ئوردۇ ھىسار قەلئەسىگە كەتكۈچىمەن.
— قۇنچۇي ئالىيلىرى، ھەزرىتى سېيىت ئەلى ئارسلانخان غازى پادىشاھىم، بۇرۇن ئودۇن پادىشاھى خالخالى ماچىن بىلەن، كېيىن نۇقتى رەشت، چۇقتى رەشت ئاتلىق پادىشاھلار بىلەن جەڭ قىلىپ جان تەقدىم قىلغاندىن تارتىپ، ئوردۇ ھىسار قەلئەسى تامامەن ۋەيران بولۇپ، قۇم بېسىپ كېتىپتىكەنغۇ؟
— بىلىدىكەنسىز، يۇغرۇش جاناپلىرى. ماڭىمۇ ئاتام دەپ بەرگەن، شۇنداق ئۇچۇنمۇ ئۇ يەرگە بېرىپ رېھلەت قىلغان چوڭ ئاتىمىزنىڭ چىرىغىنى يورۇتۇپ، ئاكلىرىمغا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمغا ئاللاھدىن ئىنساب تىلەپ ئىستىقامەت قىلاي
314
دېمەن. ئالتۇن تارىم قونچۇي ئادرا ئەمەس، بۈيۈك ئادرا بولۇپ ئۆتكۈم بار. ئۆزلىرىنىڭمۇ پەرەزەتلىرى چوك بولۇپ قالغاندۇ؟
- چوك بولدى، ئالتۇن تارىم. تۆت قىزىمنىڭ ئۈچىنى ياتلىق قىلدىم، بىر قىزىم رەستە بولاي دەپ قالدى. ئوغلۇم تېخى كىچىك.
- ئوغۇللىرىنىڭ ئېتى نېمە؟ - مىلىكە ئادرا ئىختىيارسىز سورىدى. ئۇ بىر ئوغۇل پەرەزەنت كۆرۈشكە شۇنچە ئىنتىزار ئىدى، ئەمما بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەنىدى.
- يۈسۈپ.
- ئەجەب چىرايلىق ئىسىم قويۇپلا، ئۆزىمۇ شۇنداق چىرايلىقتۇ؟
- چىرايلىق ھەم ئەقىللىك.
- قانچە ياشقا كىردى؟
- بۇ يىل ئون بىر ياشقا.
- مەن يولغا چىققۇچە ئوغۇللىرى يۈسۈپ بىلەن بىر دىدارلاشقۇم بار. چاقىرتسام ئېلىپ كېلەلمىدۇلا؟
- سىلى دېگەن مەھەلدە ئوغلۇمنى ئالدىلىرىغا ھازىر قىلىمەن، ئالىيلىرى.
- ئونىڭغا بۆرە تېگىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەردۈم كېلىۋاتىدۇ.
- ئوغلۇم «ئوغۇزنامە»نى ئاڭلاپ چوك بولغان، باتۇرلار قىسسىسىگە خۇشتار.
- يۇغرۇش جاناپلىرى، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئالدىم، كەچۈرگەيلا، - مىلىكە ئادرا قاراپەردىنىڭ كەينىدە تەزىم قىلىپ رەيھاندىننى ئۇزىتىپ قويدى.
2
رەيھاندىن ھەرەم قەسرى ۋە ئوردىدىن چىقىپ ئۆيىگە قاراپ
ماڭغاندا، بولۇنبەگنىڭ دېھلىزلىرى باغقا قارايدىغان ئۆيىنى كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى قاپلىغانىدى. ئۈچ كىشىنىڭ قولى داستىخانغا قويۇلغان مىس پەتنۇستىكى بۆدۈنە كاۋىپىغا كەينى - كەينىدىن ئۇزىتىلماقتا ئىدى.
- بولۇنبەگ جاناپلىرى، ئامەت قۇشى باشلىرىغا قوندى. بۇغرا قاراخاننىڭ قۇدۇسى بولۇشتەك كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدىلا، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
- ئەلۋەتتە، شۇنداق، دوقاقبەگ جاناپلىرى. مېنىڭ ماقۇل بولغىنىمنى مۇھەممەد ئارسلانخان ئالىيلىرىغا يەتكۈزۈپ سۆيۈنچە ئالىسلا، بېشىم كۆككە يەتەتتى ھەم نېمە دېسە شۇنى ئۆزلىرىگە سوۋغا قىلاتتىم.
- جەمەتىمىزنىڭ يۈز تېپىشى مەن ئۈچۈن كاتتا سوۋغا، قارلۇقلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى مەن ئۈچۈن ئامەت، بولۇنبەگ جاناپلىرى. قىزلىرىغا كۆزى چۈشكەن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ مېنى ئالىيلىرىغا ئەۋەتىشىمۇ ھېكمەتسىز ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتكەنلا. ئامەتنى ئۆيلىرىگە باشلاپ كەلگەن مەن. قىلىچ كۆتۈرمەيلا بۇغرا قاراخان جەمەتىگە بېسىپ كىرىدىغان بولدىلا، - دوقاقبەگ پۇشۇلداپ تىنىپ، سۆزىگە سەما بولۇپ ئولتۇرغان بولۇنبەگكە، ھە دەپ كاۋاپ يەۋاتقان بوزاغۇغا كۆز سېلىپ ھىجايدى، - ساھىبجامال قىزلىرى بىلەن مۇشۇ قارام ئوغۇللىرى بولىدىكەن، باشلىرىغا قونغان ئامەت قۇشى ھەرگىز ئۇچۇپ كەتمەيدۇ.
- ياخشى تىلەكلىرى يېقىنغا ئۈمىد بېغىشلىدى، دوقاقبەگ جاناپلىرى. لېكىن، سىلى بىلەن ئىككىمىز قورقۇنۇشتىن يىراققا كېتىدىغان بولدۇق. رەيھاندىنبەگ يۇغرۇش بېشى بولۇپ قالىدىغان بولدى، ئۇ ئامەت قۇشىنى بېشىمدىن ئۇچۇرۇۋەتكەنلا بولاتتى.
- ئاتا، رەيھاندىنبەگدىن نېمىشقا قورقىسەن؟ ئۇنىڭ ئەدىپىنى ئۆزۈم بېرىمەن. ئۇ يۇغرۇش بېشى بولسا، مەن ئېلىكخانغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدىغان جاندارلارنىڭ بېشى مەن،
خاتىرجەم كېتىۋەرگىن، دېدى بوزاغو زىخنى داستىخانغا زەردە بىلەن تاشلاپ.
ئوغلوم، رەيھاندىنبەگنى بوش چاغلىما. ئۇ شۇنچە زور تەييارلىق بىلەن ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلغان مەنسۇرخاننى ئوتقا قويدى ئەمەسمۇ؟ دېدى ئاشۇ چاغدا لېۋىنى چىشلەپ قالغان بولۇنبەگ.
ئاتا، مەن بۇ تۈلكىنىڭ بېشىنى يانچۇۋېتىمەن، بوزاغو خۇمرىدىن جاملارغا شاراب قويۇپ دوقاقبەگكە سۇندى، ئاغا، ئاتامنى خاتىرجەم قىلىۋەتكەيسىز.
بالام، رەيھاندىنبەگنىڭ ئۈچىنچى قىزىنى ئېپىپچىپ كېلىپمۇ ئەمىرىگە ئالالمىغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ بولۇنبەگ ئوغلى سۇنغان شارابنى يۇتۇپ ئېلىپ ئىچىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئايتمىش قىزنىڭ نومۇستىن قىزىرىپ كەتكەن يۈزى، بويانقار، ئودۇمىشلارنىڭ غەزەپلىك چىرايلىرى كەلدى…
ئايتمىش قىزنى ئالالمىسلىقىمغا سېنىڭ قورقاقلىقىڭ سەۋەب بولغان، ئاتا. ئانامدىكى جۈرئەت سەندە بولغان بولسا، ئۇ نازىنىن قىزنى ئەمىرىگە ئېلىپلا قالماي، بىر زەردار جەمەتنى دەپسەندە ئۈستىدە ئوينىتقان بولاتتىم. مۇشۇ ئاتامزە، مەھكار بولغان بىلەن بەك يۈرەكسىز.
نېمە دەۋاتىسەن كاززاپ !… بولۇنبەگ بوزاغونى ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.
توختاڭلار، ئاتا بالا نېمە بولدۇڭلار؟ دوقاقبەگ ئۆلارنىڭ مەيدىسىدىن ئىككى يانغا ئىتتىرىپ، سوقۇشقاق چۆجە خورازلاردەك ھۈرپىيىشكەن ئاتا بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈكۈندى، رەيھاندىنبەگدىن ئېھتىيات قىلمىساقمۇ بولمايدۇ، ئالىپ يىگىت. بەك ئېھتىيات قىلىپ ئونىڭغا يول قويمىساقمۇ بولمايدۇ. پەملەش بىلەن ئىش كۆرۈش لازىم. بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، دوقاقبەگ ئىككى جامغا تولدۇرۇپ شاراب قويۇپ ئاتا بالىغا تۇتقۇزدى، ئىچىپ ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار.
ئەمدىكى گەپ ئەھمەد بىننى ھەسەن ئېلىكخان بىلەن ئەلى بىننى ھەسەن ئېلىكخاننى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاكسىغا قانداق قارشى قويۇشتا تەدبىرلىك بولۇشىمىزدا قالدى. قېنى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇتۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى.
ئۇچەيلەن جاملارنى بوشاتتى.
— قاپۇغچى بېشى، مەن ئەلى بىننى ھەسەن ئېلىكخاننىڭ ئىشىنىچىگە ئېرىشىپ، مەسلىھەتسىز ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارمايدىغان قىلىپ قويالىسام، ئوغلۇممۇ ئەھمەد بىننى ھەسەن ئېلىكخاننى شۇنداق قىلالىسا، ئۇ چاغدا، بۇ ئىككىيلەننى ئاكسىغا قارشى ئاتلاندۇرالايمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆز يېنىدا ئۆز گۆشىنى قورۇپ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالايمىز.
— ھەببەھەللى! — يۇغرۇش باشىدەك گەپ قىلدىلا بۇرادەر. تويدىن كېيىنلا كۈيئوغۇللىرى مۇھەممەد ئارسلانخان بارىسخانغا كېتىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ماڭىمەن. سىلى سەمەرقەندگە ماڭسىلا. ئوغۇللىرى قوزغۇردودا قالىدۇ. تەقدىرنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھېكمەت شۇكى، ھېلى سىلى ئېيتقاندەك قىلالىساق مەقسىتىمىزگە چوقۇم يېتىمىز. كۈيئوغۇللىرى مۇھەممەد ئارسلانخانغا كۈندە نەچچە قېتىم كۆرۈنۈش قىلىپ كۆڭلىنى ئۇتسىلا. توي جەريانىدا، تويدىن كېيىنمۇ توققۇز تارتۇق قىلىپ ھۆرمەت كۆرسەتسىلە، سىلىنى ھەرجاھان قوللايدىغان بولسۇن. توينى تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە مەسلىھەتلىشىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇمارىم تۇتۇۋاتىدۇ. بۇ شاراب خۇمارىمنى باسالمدى. بۇرادەر، ماڭا نەشە ئوۋۇلاپ بەرسەن بولسىلا.
بۇلۇنبەگ قاپقى تۇرۇلغان بوزاغۇغا قارىدى.
— ئوغلۇم، چىلىمنى ئېلىپ چىق.
بوزاغۇ ئۈندىمەي بىر غۇلاچ نەيچىسى بىلەن ناھايىتى چىرايلىق ياسالغان چىلىمنى ئېلىپ چىقتى. بۇلۇنبەگ خالتىدىن
لاتا قەغەزگە ئورالغان نەرسىنى ئالىقىنىغا ئالدى، ئوۋۇلاپ يىمرىپ گۈلمىدەك خېمىر قىلدى، چىلىمنىڭ ۋىللىلداپ تۇرغان چوغىدىنغا سېلىپ ئىچىگە تارتتى…
ئىككىسى تاكى نەشە كۆيۈپ تۈگىگۈچە چىكىشتى، تەنلىرى بوشىشىپ سۇنايلىنىپ يېتىشتى. بوزاغو كاۋاپ يەپ، شاراب ئىچىپ ئۆزىگە غودۇڭشىدى:
— سىڭلىمنىڭمۇ تويى بولىدىغان بولدى، بۇ دۇنيادا ماڭىلا قىز چىقمايدىغان ئوخشايدۇ…
ئىشىك يېنىدا باياتىن ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشاپ تۇرغان قۇماربىكە ئاڭلاپ پىسقىدەك كۈلۈپ قويدى — دە، ھۇجرىسىغا كىرىپ يېشىنىپ ياتتى. «قاپۇقچى بېشى مېنى سوراپ ئەلچى بولۇپ كەپتۇ. ۋاي خۇدايىم، ئەمدى مېنىڭ تويۇم بولىدۇ. ئۆيلەنمىگەن يەردە ماڭا تەگكەننىڭ كۆزى چۆشۈپ قالغىنىنى قارىمامدىغان. ئۇ بۇغرا قاراحاننىڭ بالىسى ئىكەن. «ماڭا كۆزىڭىز چۆشسە ن بولسا، يوغرىش بېشى بولۇنبەگنىڭ ئىشىكىگە دوقۇرغايلا، دېگەن سۆزۈمنى ئۇنتۇماپتۇ. ماڭا ئىشقى چۆشۈپ تۇرالماي قاپتۇ — دە. ئالتۇن تارىم بولۇش ئارزۇيۇم گۈل ئاچىدىغان بولدى…» قۇماربىكە شېرىن خىيال ئىلكىدە كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ ئويغانغاندا، ۋۇجۇدىنىڭ باشقىچە بولۇپ قالغىنىنى، ئاجايىپ بىر تاتلىق تۇيغۇدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ، بويۇن — بېشىنى، ئالىمىدەك چىڭ كۆكسىنى، يۇمران تېقىملىرىنى سىلاپتەپ، قولىنى ئىتتىك تارتىۋالدى. قولى ئىشتىنىنىڭ ئېغىدىكى ھۆلگە تەگكەنىدى. «ۋاي خۇدايىم، مېنى شەيتان ئاتلاپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ ھە راست، چۈشۈمدە ئاشۇ قوقۇر بۇرۇتلۇق شاھزادە مېنى بېسىۋالغانىدى…» ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتتى.
قۇماربىكە ئورنىدىن تۇرۇپ، ھاممامغا كىرىپ يۇيۇندى. غونچە بوي، ئاق سېرىق ئەتلىك بۇ قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق
319
ئىدى. ئۇنىڭ ھەمىشە مەسخىرە كۈلكىسى جۆلىنىپ تۇرىدىغان يۇمىلاق يۈزىدىكى سۈزۈك ئاسماندەك كۆك كۆزلىرىدىن يېشىل ئۇچقۇن چاقناپ تۇراتتى. ئۇ ھاممامدىن دەھلىز ئۆيگە چىقىپ، قىپيالىڭاچ ھالدا ئەينەك ئالدىغا كەلدى، كېلىشكەن بەدىنىنى كۆرۈپ ئاجايىپ بىر زوق بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، سەكرەپ پىرقىراپ ئايلاندى، ئۇزۇن چاچلىرى ئىنچىكە بېلىگە يۆگىلىپ قالدى:
— قۇمارى، نەدە سەن؟ — ئانىسىنىڭ بۇ ئاۋازى ئۇنى ئەندىكتۈرۈۋەتتى.
— نېمىنداق قۇمارى، قۇمارى دەپ توۋلاۋېرىسەن؟ مەن ھاممامدا يۇيۇنۇۋاتىمەن!
— بالام، چاپسانراق چىق، ساڭا ئېيتىدىغان خۇش خەۋىرىم بار.
«تايىنلىق ماڭا ئەلچى كەلگەنلىنى ئېيتىدىغاندۇ، ئاخساملا بىلىپ بولغان تۇرسام».
— مانا، ھازىر چىقىمەن.
قۇماربىكە ئالدىرىماي كىيىندى، ياساندى. تېقىمىغا ئۇرۇلۇپ تۇرغان چاچلىرىنى تارىمايلا ئارقىسىغا تاشلاپ، پېشايۋاندا دەلدەكلەرگە ئىش بۇيرۇۋاتقان ئانىسىنىڭ يېنىغا چىقتى:
— قانداق خۇش خەۋەر ئۇ؟ تېزىرەك ئېيتىقنا، ئانا.
— پەرىزات بولۇپ كېتىپسەن، قىزىم. سېنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولغان بۇغرا قاراخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئارسلانخان تۈنۈگۈن كېچە ئەلچى كىرگۈزگەنكەن. ئاتاڭنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ تۈن يېرىم بولغاندا كەتتى. بېشىڭغا تەلەي قۇشى قونىدىغان بولدى، بالام.
قۇماربىكە ئەقلىنى ئازدۇرغۇچى جاراڭلىق كۈلكىسى بىلەن پېشايۋان تۈۋرۈكىگە ئېسىقلىق قەپەستىكى مۆگدەپ قالغان شاتۇتىنى چۆچۈتۈۋەتتى. بۇ شەھەرەنداز قۇش ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي دوراپ قاقاھلىغىلى تۇردى.
قۇماربىكە خۇشاللىقىدىن تېرىسىگە پاتماي قالغانىدى. ئۇ باغقا كىرىپ كېپىنەك قوغلاپ ئوينىدى. تۇتۇۋالغان كېپىنەكلەرنى يەرگە ئۇرۇپ، ئايىغى بىلەن دەسسەپ يانجىيتتى، قاناتلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ ئېرىقتىكى سۇغا تاشلايتتى، مىجىپ ئۆلتۈرەتتى ياكى قاناتلىرىنى تىتىپ توزۇتۇۋېتەتتى. بۇ قىلىقىدىن قاقاھلاپ كۈلگىنىچە تاقلاپ - سەكرەپ ئۆيگە كىردى، بۇلۇڭدا ياتقان ئاسلان مىياڭلاپ كېلىپ، كۆڭلىكىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ تارتىپ ئوينىدى، قۇماربىكە ئاپپاق نازۇك قوللىرى بىلەن ئاسلاننى كۆتۈرۈۋېلىپ بىر بوغۇپلا ئۆلتۈرۈپ قويدى. كۆزلىرى پۆلتىيىپ چىققان بىچارە ئاسلانغا قاراپ يەنە قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئۇسسۇل ئوينىغىلى تۇردى. ئايبانو دېدەكلەرگە تاماقتىن كۆتۈرتۈپ كىردى. تاش ئەينەكنىڭ ئالدىدا غەلىتە قىلىقلارنى قىلىۋاتقان قىزىغا قاراپ:
— بالام، ساراڭدەك نېمىلەرنى قىلىۋاتىسەن؟ — دېدى. قۇماربىكە كۆكسىنى لىغىلدىتىپ، ئاسلاننىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرگەن پېتى پىچىرلاپ كۈلۈۋەردى.
— بالام، نېمە بولدۇڭ؟ ئاسلاننى ئۆلتۈرۈپ قويۇپسەن، قويۇۋەت.
— مانا ئالە! — قۇماربىكە ئايلىنىپ كەلگىنىچە ئاسلاننى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
— ۋايجان، ئاسلاننى نېمە قىلدىڭ شۇم؟! — چىرقىراپ كەتكەن دەجىخان ئايبانو ئۆرۈلۈپ كېتىپ، دېدەكنىڭ قولىدىكى پەتنۇس يەرگە چۈشۈپ كەتتى. قاقاھلاپ كۈلگەن قۇماربىكە گىلەم ئۈستىگە چۈشۈپ مۇراببا، ھەسەللىرى تۆكۈلگەن قەندىلەرنى تېپىپ چاچقۇۋەتتى.
— نېمە قىلغىنىڭ بۇ، شۇم! قولۇڭغا چىنە - قاچا ئالساڭ سۇندۇرۇۋېتىسەن، رەخت چىقسا يىرتىۋېتىسەن، زىننەت بۇيۇملىرىنى بۇزۇۋېتىسەن، بونى ئاز دەپ ئاسلاننىمۇ ئۆلتۈرۈپ قويۇپسەن. قولۇڭ نېمىدىگەن قانلىق سېنىڭ جۇۋاينىمەك! ئالە
بۇ نېمىگىنى! — ئايبانۇ ئۆلۈك ئاسلاننى قىزىنىڭ كۈمۈش ئوتۇغات قىستۇرۇۋالغان بېشىغا ئاتتى. قۇماربىكە ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى. ئۆلۈك موشۇك دېرىزە ئېينىكىگە تېگىپ تېكىچكە چۈشتى، — بەتبەخت! نېمىشقا چوك بولمايدىغانسەن. تەلەي قۇشى بېشىڭغا قونۇۋاتسا، قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قارا! — ئايبانۇ چاچۋاقاپ، دەدەكلەرنى چىقىلغان قەندەل بىلەن ئۆلۈك ئاسلاننى ئاچچىقوۋەتكەچ بۇيرۇدى.
— ھە، مېنىڭ قولۇم شۇنداق قانلىق، سۆندۈرىمەن، يىرتىمەن، ئۆلتۈرىمەن، نېمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىپ كۆڭلۈمنى خوش ئېتىمەن. قانداق قىلالايتتىڭ؟
— ماۋۇ بېغەرەزنىڭ شۇم ئېغىزلىقىنى! — قۇماربىكە ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرگەن ئايبانۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.
— ئانا، ئانىخان، بۇغرا قاراخاننىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولغىلىۋاتقان نازىنىڭ قىزىنى ئۇرۇمسەن؟ بىرەر يېرىم زەدە بولۇپ قالسا، تېگىڭگە نېمىدەپ جاۋاب بېرىسەن؟ ئانا، ئانىخان، قىزىڭنى ئۆرمەن دېمەي سۆيۈپ قوي، — قۇماربىكە ئانىسىنى بېلىدىن قاماللاپ ئايلاندۇردى، — تويۇم بولسۇن، مېنى شۇ چاغدا كۆرۈڭلار. سىلەرنى زەرگە كۆمۈۋېتىمەن. دۈشمەنلەرگە نەيزىدەك سانجىلىپ، قارلۇق قىزى ئىكەنلىكىمنى ئالەمگە بىلدۈرۈپ قويىمەن، ئانا!
ئايبانۇ ئىككى قولى بىلەن قىزىنىڭ كۆلكە يېغىپ تۇرغان يۈزلىرىدىن تۇتۇپ، سىنچىلاپ قاراپ كەتتى.
— مېنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاندەك سەپىشلىپ كەتتىڭغۇ ئانا. گۈزەل رۇخسارىمدىن نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟
— كەلكۈسۈڭنى كۆرۈۋاتىمەن، قىزىم. قولۇڭغا ئالغان قىلىچتىن قان تېمىپ تۇرۇپتۇ، شۇنداق قورقۇنچلۇق…
قۇماربىكە ئىككى تىزىنى شاپىلاقلاپ كۈلدى.
— مېنى تەڭرىم ئۇسسۇل ئويناشقا ئەمەس، قىلىچ چېپىشقا،
نەيزە سانجىشقا، قان تۆكۈشكە ياراتقان، ئانا. مۇھەممەد ئارسلانخانغا تەگكىنىمدىن كېيىن كۆرسەن، مەن شۇنداق ئالتۇن تارىم بولمەنكى، مەن - مەن دېگەن ئالىپ تېگىنلەرنى چاترىقىمدىن ئۆمىلەپ ئۆتۈشكە مەجبۇر قىلىمەن تېخى…
- تەڭرىم كۆڭلۈڭگە ئىنساب بەرسەي، قىزىم…
- ئاكامغا ئىنساب تىلە، ئانا. قولىغا چۈشكەن قىزغا ئىگە بولالماي ھازىرغىچە ئۆي - ئوچاقلىق بولالمىدى. ئەگەر مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالسام، شور پېشانە ئايتىمىشنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتەتتىم، - دېدى ئانىسىنى نېرى ئىتتىرىپ. ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى. ئالدىغا چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى قاماللاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - مەن ئەل سورايدىغان خانىش بولغاندا، ئۇ لاتىپۇرۇشنىڭ قىزىنى ئېگىنىمنى يۇغىلى سالىمەن، ئانا. ھازىر قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، چاپسانراق تاماق يەيلى.
- تۈنۈگۈن ئەلچى بولۇپ كەلگەن دوقاقبەگنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سويغان قوينىڭ ئۆپكە - ھېسىپىنى قويغۇزغانىدۇق، شۇنى يەمەسەن ياكى ئاتاڭغا ئەتكەن پېتىرماندىندىن يەمەسەن؟
- ھەر ئىككىلىسىدىن، يەنە كاۋاپمۇ يەيمەن ئانىخان.
- نەپسىڭ بار - دە، سېنىڭ قىزىم. يە، يېگىن. ئەتە كۈيۆئوغلىمنى چاقىرتىۋالماقچى بولۇۋاتىمىز. بۇغرا قاراخان ۋە ئۇنىڭ خانىشىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىشى مۇمكىن. ئۆزۈڭنى ئوبدان تۈزەشتۈرۈپ، ئالتۇن تارىمغا يېقىملىقراق كۆرۈنۈشكە تىرىشقىن.
- مەن ئېرىمگە يېقىملىق كۆرۈنسەم بولدى، ئانا. مېنى ئۆز مەيلىمگە قويۇۋەت، بولامدۇ؟
- ماقۇل، ماقۇل، شەيتىنىم. ئەمسە ئولتۇر. مېنى چارچىتىۋەتتىڭ، تاماق يەيلى. ھەي، تاماقنى ئەكىرىڭلار. «ئەتە مۇھەممەد ئارسلانخان كەلگۈدەك بولسا، ئۇنى يىراق ئۇتۇدا ئولتۇرتەي، دىدارىنى تېزىرەك كۆرۈشكە ئىنتىزار
بولسۇن…» تاماق ۋاقتىدىمۇ، تاماقتىن كېيىنمۇ، ئاتىسى كەلگەندىمۇ، كەچ كىرگەندىمۇ بۇ خىيال قۇماربىكەنىڭ كاللىسىدىن كەتمىدى. ئۇ ئۇياققا ئۆرۈلۈپ، بۇياققا ئۆرۈلۈپ، شامداندىكى شامنىمۇ ئۆچۈرمەي ئاخىرى ئۇخلاپ قالدى…
قۇماربىكە مۇھەممەد ئارسلانخان بىلەن چار باغدىكى كۆل بويىدا شاھ سۇپىسىدىكى ئالتۇن قۇببىلىك تەختتە كۈلۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجنىڭ شولىسى سۇغا جۇلا تاشلىغانىدى. پەرىلەردەك ياسانغان كېنىزەكلەر ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.
— توختاڭلار! ھازىر ئالتۇن تارىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ، — دېدى شاپ بۇرۇتلىرىنى تولغاپ مۇھەممەد ئارسلانخان.
گۈللۈك يىپەك رەختتىن ئۆزۈن كۆڭلەك، تېتىللا جىلىتكە كىيىپ، ناۋات رەڭ ھېلھىلە رومال سالغان قۇماربىكە پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، قاناتلىرىنى كېرىۋاتقان تۇزۇدەك قوللىرىنى يېيىپ، شۇنداق نازاكەت، جىلۋە بىلەن ئوينىدىكى، مۇھەممەد ئارسلانخان ئولتۇرالماي تۇرۇپ كەتتى. بىر تەلەپكە تىللا كەلتۈرۈپ قۇماربىكەنىڭ بېشىدىن ئۇرۇپ چاچتى. شاھ سۇپىسىغا سېلىنغان رەڭدار ئىران گىلىمى ئۇتتاشتەك پارىلداپ كەتتى. قۇماربىكەنىڭ جادۇ كىرپىكلىرى ئوراپ تۇرغان كۆك كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ، كېپىنەك قانىتىدەك يەپۇڭەن گۈللۈك كۆڭلىكى يېپىلىپ - ئېچىلغاندا، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ شەھۋانىي ھەۋىسى قوزغىلىپ قالدى. شۇ چاغدا پىرقىراپ ئايلىنىۋاتقان قۇماربىكە ئىككى قولىنىڭ يېڭىدىن ئىككى خەنجەرنى چىقىرىپ، نازلىنىپ بارغىنىچە مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ غەپلەتتە قالغان بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلدى، ئوغلى ھۈسەيىن ئارسلانخاننىمۇ بوغۇزلىۋەتتى. كۆنداشلىرى بولغان خانىش، چۆرىلەرگە، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ خەنجەر ئۇرۇپ قانغا غەرق قىلدى. ئۇ ئەتراپىغا قاراپ قانغا چۆكۈپ
كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ دەھشەت ئىچىدە ۋارقىرىۋەتتى: — ئاتا! ئابا!… قۇماربىكە ئۆز ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغاندا، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆكۈپ ياتاتتى. «ئاجايىپ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن-ا، توۋا خۇدايىم، توۋا…» — بالام، نېمە بولدۇڭ؟ ئەجەب تۇۋلاپ كەتتىڭغۇ؟ — دېدى ئاستىلاپ كىرىپ كەلگەن ئانىسى. چاچلىرى چۇۋۇلۇپ، چىرايى تاتارغان قۇماربىكە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ تىكىلىپ تۇرغان ئانىسىغا قارىدى: — مەن غەلىتە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، ئانا. شۇنداق قورقۇنچلۇق، شۇنداق دەھشەتلىك!… — جېنىم بالام، ئېيت، قانداق چۈش كۆرۈپسەن؟ ئاڭلاپ باقاي. — قۇماربىكە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا باش قويغان ھالدا كۆرگەن چۈشىنى دەپ بەردى. — تۈف — تۈف… سېنى قارا بېسىپتۇ قىزىم، سەدىقە بېرىۋېتەيلى. كۈن چىققۇچە ئۇخلىغان بارمۇ، تۇرغىن، يا تويۇڭنى قىلمىساق بولارمىكىن. — قۇماربىكە پۇت ئېتىپ قاقاھلاپ كۈلدى: — مۇھەممەد ئارسلانخانغا تەگكىنىم تەگكەن، ئۇنىڭ، ئۆزۈمنىڭ نېمە بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، ئالتۇن تارىم بولىمەن. بۇ توينى ھېچكىم توسۇيالمايدۇ، بېشىمدىكى ئالتۇن تاجىم قوزغۇردۇ ئاياللارنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىدۇ. — بالام، تۇرغىن، مېھمانلار كېلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئاباڭ قوي سويدۇرۇۋاتىدۇ. قۇماربىكە ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىدىغان كىيىملىرىنى، ئاسىدىغان، تاقايدىغان زىبۇزىننەتلىرىنى ئالدىراپ تاللاشقا كىرىشتى.
3
دۇنيادا كۈتۈلمىگەن ئىشلار كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا، كۈتۈلمىگەن جايدا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنى بەزىلەر خالىسا، بەزىلەر خالىمايدۇ. خالىغانلار پايدا ئالسا، خالىمىغانلار زىيان تارتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، خالىمىغانلار پايدىغا ئېرىشىپ، خالىغانلار زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.
قۇماربېكەنىڭ تويىمۇ ئەنە شۇنداق كۈتۈلمىگەن قىسمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بالاساغۇن شەھىرىنى تەۋرىتىۋەتتى. بۇ توي قارلۇقلارنىڭ خورلىكىنى ئۆستۈرۈپ، مەغرۇرلاندۇرۇپ قويغان بولسا، ئەجەبلىنەرلىك كىشىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. بالاساغۇن ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. بولۇنبەگنى ياقتۇرمايدىغانلار بۇ توينىڭ بولۇشىنى خالىمايتتى، ياقتۇرىدىغانلار خالايتتى. پۈتۈن ئەلنى بۇ توي توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر قاپلاپ كەتتى.
بۈگۈن كەچ ئوردىدىن قايتىپ كەلگەن رەيھاندىن پېشايۋاندا ئولتۇرۇپ، بايا تاپشۇرۇۋالغان باھاقنى ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. جاناپى ھۆرمەتلىك يۇغرۇش باش رەيھاندىنبەگ ھەزرەتلىرى: تەڭرىنىڭ خالىشى بىلەن، ئەتە شەنبە كۈنى يۈسۈپ قادىرخان بۇغرا قاراخان ۋە قارلۇق يابغۇسى يۇغرۇش بولۇنبەگ پەرەزەنتلىرىنىڭ توي مەرىكىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغايلا.
ھۆرمەت بىلەن: بۇغرا قاراخان غازى پادشاھ يۈسۈپ قادىرخان
چۈشتىن بۇرۇن بولۇنبەگ قەسرىدە، چۈشتىن كېيىن چۇ دەرياسى بويىدىكى بۇغرا قاراخان مەيدانىدا توي
داۋاملىشىدۇ. ھىجرىيە 415 - يىلى شەئباننىڭ 9 - كۈنى».
رەيھاندىن بولۇنبەگ نامىدا يېزىلغان يەنە بىر باغاتقىمۇ كۆز يۈگۈرتتى، مەزمۇنى ئوخشاش ئىدى. — ئابا، قايتىپ كەلدىڭمۇ؟ — ئىشىكتىن جىلىتنى پولاتلىتىپ يۈگۈرۈپ كىرگەن يۈسۈپ كەلمىگۈچە، ئورنىدىن تۇرغان ئاتىسىنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدى. ئۇ بادام دوپپا، ئاق كۆڭلەك، قارا ئىشتان كىيىۋالغانىدى، خوش چېھرىدە كۈلكە ئوينايتتى. — بالام، ماۋۇ باغاتلارنى بوۋاڭ بىلەن موماڭغا ئەكىرىپ بەرگىن. — ماقۇل، ئابا، نېمە باغات ئىكەن؟ — ھېلى دەپ بېرىمەن، ئاۋۋال باغاتنى بېرىپ چىق. — ماقۇل، — يۈسۈپ ھايال بولماي ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىپ كەتتى، — ئەمدى دەپ بەرگىن. — بۇ، مۇھەممەد ئارسلانخان بىلەن قۇماربېكەنىڭ توي باغىقى. يۈسۈپ قولىغا ئېلىپ كۆردى، كەشمىرنىڭ پاتلىق قەغىزىگە ناھايىتى چىرايلىق يېزىلغان قۇرلارنى كۆزدىن كەچۈردى. — ھە، بۇ بۇغراخان ئوغلىنىڭ تويى ئىكەنغۇ. — شۇنداق بالام، ئولتۇرغىن. يۈسۈپ رەيھاندىننىڭ يېنىدا ئولتۇردى. — ئېيتىپ بەرگىنە ئابا، بۇغرا قاراخاننىڭ نەچچە ئوغلى بار؟ — سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد ئارسلانخان، مەھمۇد ئارسلانخان ئاتلىق ئۈچ ئوغلى، ئوندىن ئارتۇق نەۋرىسى بار. — يۈسۈپ قادىرخان بۇغرا قاراخان كىمنىڭ ئوغلى؟ — ھارۇن ھەسەن بۇغرا قاراخاننىڭ ئوغلى.
— ھارۇن ھەسەن بۇغرا قاراخاننىڭ قانچە ئوغلى بار، ئابا؟ — يۈسۈپ توختىماي سورىغىلى تۇردى. — سوراپلا تۇرسام بولمامدۇ، ئوغلوم؟ — سورىسام بولمامدۇ، ئابا؟ — يۈسۈپ يېلىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى. — سورىساڭ بولىدۇ، نېمىشقا بولمايدىكەن. ھە، سورىۋەرگىن. — پادىشاھلىرىمىزنىڭ ئەجدادىنى، ئەۋلادىنى بىلىۋالاي دەيمەن، ئابا. — ماقۇل بالام، ياخشى ئويلاپسەن. سوئالىڭغا جاۋاب بېرەي: ھارۇن ھەسەن بۇغرا قاراخاننىڭ يۈسۈپ قادىرخان، ئەھمەد، ئەلى ئاتلىق ئۈچ ئوغلى، ئادىرا ئاتلىق بىر قىزى بولغانىكەن. — ئابا، بۇ ئادىرا دېگەننىڭ مەرھۇم بۇغرا قاراخان ئەھمەد تۇغانخاننىڭ خانىشى ئەمەسمۇ؟ مەنسۇر بۇغرا قاراخان بولغاندا تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كېتىپ، كېيىن يەنە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدىڭىز. مېنىمۇ سوراپ كەتتى دېمەڭ. رەيھاندىن كۈلۈمسىرىدى: — ئۆزۈڭ كىچىك بولغان بىلەن گېپىڭ پۈتۈن، ئوغلوم. ئېسىڭدە تۇتۇپسەن. قونچۇي بىزنى چاقىرتىمەن دېگەنىدى، ۋاقتى يېتىپ قالغان بولسا كېرەك. يۈسۈپ ئويلاپ قېلىپ سورىدى: — مەرھۇم ھارۇن ھەسەن بۇغرا قاراخان ئوردۇكەنت بۇغراخانى سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئوغلىمۇ؟ — ياق، بالام. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى. — ئۇنداق بولسا ئەھمەد تۇغانخانمۇ سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلىمۇ؟ — ئۇنداق ئارلاشتۇرۇپ قويما، بالام. ئەھمەد بىلەن ئەلى تۇغانخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ھەمشىرىسى ئالتۇن تانىم نۇر ئەلانۇر خېنىم تۈركەن خاتۇننىڭ ئوغلى سېيىت ئەلى
ئارسلانخاننىڭ بالىسى. — ھە، بىلدىم ئابا، سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن قونچۇي نۇر ئېلانۇر خېنىم ئاكا — سىڭىل ئىكەن — دە. بۇلار سەن تولا تەرىپىنى قىلىدىغان ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇل — قىزلىرىمۇ؟ — توغرا دېدىڭ، بالام. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تۆت ئوغۇل، ئۈچ قىزى بولغان. قوشكېزەك ھەسەن — ھۈسەن، بايتامۇسا، سۇلايمان ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، قىزلىرى نېسىپ تۈركەن خېنىم، نۇرئېلانۇر خېنىم، بۆدۈركەن خېنىم نامى بىلەن مەشھۇر. نۇرئېلانۇر خېنىم بىر ئوغۇل تۇغقان، ئېتى سەييىد ئەلى ئارسلانخان، ئوردۇكەنتنىڭ بۇغراخانى بولغان. — سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئاتىسى كىم، ئابا؟ رەيھاندىن جاۋاب بەرمەي جىم بولۇۋالدى. يۈسۈپ قايتا سورىدى، ئويلىنىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى: — ئوبۇلقاسىمنى ئەبۇ ناسىر سامانى، يەنى ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازىنىڭ ئوغلى. — چۈشەندىم، ئابا. ئەمدى ئېيتىپباق، بۇغرا قاراخانلىق تەختىدىن چۈشكەن مەنسۇر بۇغراخانچۇ، ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ — سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەھمەد توغانخان، ناسىر ئېلىكخان، مۇھەممەدخان ئاتلىق ئوغۇللىرىمۇ بولغان. بۇلار ئىچىدە ناسىر ئېلىكخان ئەقىللىق، باتۇر، ئەل سۆيەر ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ تازا دەۋران سۈرۈۋاتقان چاغدا كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. — بولدى، ئابا. ھازىر شۇنچىلىك بىلىپ تۇراي، بىلمەكچى بولغىنىم بەك كۆپ، بارا — بارا سوراپ بىلىۋالارىمەن. ئەگەر قونچۇي ئادىرا چاقىرتىپ قالسا، مېنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالما، بولامدۇ؟ — ئۇنتۇپ قالمايمەن، بالام، چاقىرتىپلا قالسا چوقۇم ئېلىپ بارىمەن. ھازىر بوۋاڭ بىلەن بۇغرا قاراخاننىڭ قارارگاھىغا توي
پەتەسگە بېرىپ كېلەي. — تاماق تەييار بولدى ئاتىسى، يەپ ماڭسىلا، — دېدى ئۆيدىن چىققان رابىيە. — ماقۇل، ئاتا — ئانام بىلەن غىزالىنىپ ماڭاي. يۈر بالام، بوۋاڭنىڭ قېشىغا كىرىپ تاماقنى شۇ يەردە يەيلى. — بۇ تويغا قانداق سوۋغات تەييارلاپ قويدىلا يۇغرۇش بېشى؟ — مەنىلىك قىلىپ سورىدى رابىيە. — ھېچنېمە. — نېمىشقا؟ — بۇنى كېيىن دەپ بېرەي. رەيھاندىن توي كۈنى بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخانغىمۇ، مۇھەممەد ئارسلانخانغىمۇ توي سوۋغىتى ئېلىپ بارمىدى. زەمىران ئانا، رابىيەلەرنىمۇ تويغا بارغۇزمىدى. ئۆزى بولۇنبەگنىڭ قەسرىگە بارغان بولسىمۇ، توي ئىشىغا داخل بولمايلا ئۆزاپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ بۇ توينىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىزلىككە چۈشكەنىدى. كېرىلىپ يوغىناپ كەتكەن بولۇنبەگ، مۇز چىرايى بىلەن ئېلىپ قارىغان بوزاغۇ، غادىيىۋالغان دوقاقبەگلەرنىڭ ئەلپازىدىن ھەزەر ئەيلىگەنىدى. «مەنمۇ بىر كىشى، بۇلاردىن خانلىققا ئاپەت، ئەلگە تالاپەت يەتمىسە ئىدى» دەپ ھەسرەت چېكىپ مەيۈسلىنىپ قالغانىدى. — ئابا، چۈشتىن كېيىن چۇ دەرياسى بويىدىكى بۇغرا قاراخان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان توي مەشرىكىگە بارمامسىز؟ — دەپ سورىدى قارىخانىدىن تاماققا كەلگەن يۈسۈپ، — كىشى قارا، مەشرىككە بېرىپ كېلىڭلار، دەپ بالىلارنى قويۇۋەتتى. — مەن بارمايمەن، بالام. سەن ئاناڭغا دەپ قويۇپ، يارۇق، ئادار ئاغىلىرىڭ بىلەن بېرىپ كەلگىن. تۇلپار ئېتىڭنى مىنىۋال. ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ بەيگىسى بولۇپ قالسا مەيدانغا چۈش. ئاشان بۇقا بوۋاڭنىمۇ ئېلىۋېلىڭلار، ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ
قويسۇن. — خۇپ، ئابا. — خۇداغا ئامانەت، بالام.
يۈسۈپ نامازشامغا يېقىن ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. — بالام، ئەجەب يولۇڭغا تەلمۈرتۈۋەتتىڭغۇ؟ — رەيھاننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يابىرا قوپۇپ يۈسۈپنى باغرىغا ياقتى، — سۆزلەپ بەرگىنە، مەرىكە قانداقراق بولدى، قىزىدمۇ؟ — يارۇق، ئادار ئاكاملارنىڭ تويىدىكىدەك قىزىمىدى. — نېمىشقا؟ — رەيھاندىن يۈسۈپنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. — ئادەملەر بەك كۆپ چىقىپتىكەن. ئۆرتۆپە بولۇپ دەۋرەپ كېتىۋەتتى، ھېلىقى جاندارلار ئەمرى بوزاغو دېگەن نۆكەرلىرى بىلەن ئۈرۈپ سۈر — توقاي قىلىپ مەيداننى پاتپاراق قىلىۋەتتى. بۇغرا قاراخان ۋە ئۇنىڭ ئۆلىمادار — قەلەمدارلىرى خالايىقنى تەرتىپكە ئۈندەپ مىڭ تەسلىكتە سەپراس قىلىپ ئات بەيگىسىنى باشلىدى، ئابا. — بەيگىدە كىم ئوزۇپ چىقتى، بالام؟ — يارۇق ئاكام. — چېلىشتىچۇ؟ — چوغلاردىن ئاشانبۇقا بوۋام. — ئۇ كىم بىلەن چېلىشقا چۈشتى؟ — قاپۇغچى بېشى بولغان دوقاقبەگ دېگەن ياۋا توڭگۇز بىلەن. ئۇ ناھايىتى ھەيۋە بىلەن مەيدانغا كىردى. رەيھاندىن ئوغلىنىڭ بۇ ئوخشىتىشىدىن زوقلىنىپ كۈلۈۋەتتى. — سۆزلە، قايسىسى يىقىلدى؟ — دوقاقبەگ ئاشانبۇقا بوۋامنى كۆتۈرۈپ ئېتىپ يەرگە چايلىۋەتمەكچى بولغانىدى، لېكىن ئۆزى يەرگە چاپلىشىپ قالدى.
— ھا ھا ھا !… رەسۋا بوپتۇ دە، ئۇ قېرى تۈلكە، — يابرامۇ كۈلۈپ كەتتى. — ياشلاردىن ئۆدمىش ئاكام بوزاغۇنى يەرگە ئېتىپ، ئاشانبۇقا بوۋامدەك ئاۋامنىڭ ئالقىشىغا، بۇغرا قاراخاننىڭ بىر لىگەن تىللا تارتۇق قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. — بوزاغۇ يەنە ئوسال بوپتۇ دە، خوب بوپتۇ، «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەن مانا شۇ. — نىيىتى ياماننىڭ ئىشىنى تەڭرىمۇ ئوڭدىن كەلتۈرمەيدۇ، — دېدى يابرا ئېرىنىڭ سۆزىگە ئۆلاپ. — توپىغا مىلەنگەن بوزاغۇ مەيداندىن چىقىپ كېتىپ ئىككىنچى كۆرۈنمىدى. خۇددى مۆشۈكنى كۆرۈپ كامارغا كىرىپ كەتكەن چاشقاندەك. يۈسۈپنىڭ بۇ سۆزى ئاتا ئانىسىنى يەنە بىر قېتىم كۈلدۈرۈۋەتتى. چو دەرياسى بويىدىكى بۇغرا قاراخان مەيدانىدا مەرىكە داۋاملىشىۋاتاتتى. توينىڭ يەتتە سەككىزىنچى كۈنلىرى قىلىچۋازلىق، نەيزە ئۇرۇش، ئوقيا ئېتىشىشتا ئۆدمىش، بويانقارلار ئۆتۈپ چىقىپ، بۇغرا قاراخاندىن تارتۇق ئالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەچقۇرۇن ئادامتۇغرۇل، ئاشانبۇقا ئائىلىسىدىكىلەر بەگتۆمۈر قورۇسىغا كېلىپ يىگىتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە تەنتەنە قىلىشتى. ئايتولۇن، ئايسىلىگ، ئايتېمىشلارمۇ ئەرلىرى بىلەن كېلىشكەنىدى. ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالغان قىزتۇرمىش ئادار بىلەن كېلىپ بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى. ئارچۇن يۈسۈپ بىلەن باغدىن تېرىپ كەلگەن گۈللىرىنى يىگىتلەرنىڭ مەيدىسىگە قاداپ قويدى. ئەگەر مەلىكە ئادېرا ئۆتكەن كېچىدەك كەلمىگەن بولسا، يۈسۈپمۇ بۇ خاسىيەتلىك ئاخشامنى ئۇلار بىلەن بىللە تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزگەن بولاتتى. مەلىكە بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ئىستىكى ئۇنى ئاتىسى بىلەن ھەرەم قەسرىگە بېرىشقا ئالدىراتتى.
ئون ئۈچىنچى باب: بۆرە تەپكەن
1
قارا پەردەنجە يېپىنغان مەلىكە ئادىرا كېنىزەكلىرى بىلەن ئۇلارنى قەسىر ھويلىسىدا كۈتۈۋالدى. شام - چىراغلارنىڭ نۇرىدا چاقناپ تۇرغان خاس ھۇجرىسىغا باشلاپ كىرىپ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. كېنىزەكلەر داستىخان سالدى. مەزە - گۆزەك قويۇپ، بۆدۈنە، قىرغاۋۇل كاۋاپلىرىنى كەلتۈردى، قارا پەردىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئولتۇرغان مەلىكە:
— رەيھاندىنبەگ، ئوغۇللىرى بىلەن كېلىپ يېقىننى كۆپ خورسەن قىلدىلا. ئاۋۋال تاماقتىن ئېغىز تەگكەچ، ئاندىن پاراڭلىشايلى. قېنى بەگ يۈسۈپ، كاۋاپتىن ئالسىلا، — دېدى.
— رەھمەت قونچۇي ئالىيلىرى. ئۆزلەرنىڭ تەرىپىنى ئابام، مومايلاردىن كۆپ ئاڭلاپ دىدارلىرىنى بىر كۆرۈشكە مۇشتاق بولغانىدىم. كۆرۈشۈپ بىلدىمكى، مېھرىبان، غەمخان ئانا ئىكەنلا، — دېدى يۈسۈپ.
— «نېمىدېگەن ئەدەپلىك، پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان بالا ھە! سۆزلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق، ياخشى تەربىيەلىنىپتۇ. كەلگۈسىدە كاتتا بۆگۈ بەگ بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس» دەپ ئويلىغان مەلىكە پەردە كەينىدىن يۈسۈپكە سەپ سالدى. يۈسۈپ قاراخانىيلارنىڭ ھال رەڭ توغغا زەڭداش بۆك، ئۈستىگە يۇللۇق شايى تون كىيىپ، كۈمۈش كەمەر باغلىۋالغانىدى. كۆڭلىكىنىڭ ئاپئاق ياقىسى ئاستىدىن باغلانغان چەكەمە گۈللۈك بويۇندۇق ئۇنى
سالاپەتلىك قىلىپ قويغانىدى.
— بالام، ئولتۇرۇپ كۆڭۈللىرى تارتقان يېمەكلىكتىن يېسەك، — مەلىكىنىڭ تەكلىپى يۈسۈپنىڭ كۆڭلىنى يايىرتىۋەتتى. ئۇ بۆدۈنە كاۋىپىدىن يەپ، خۇشبۇي چايدىن ئۆتلىدى، ئاچچىق - چۈچۈك گىلاس شەربىتىدىن ئىچتى. ئاتا مەلىكىگە ئۆزىنى بالام دېگۈزگەن ئوغلىنىڭ پاساھىتىدىن سۆيۈنۈپ ئولتۇردى.
— يۇغرۇش بېشى، سىلەر بىلىپ قىلىڭلار. مەن ئەمدى سۆزلەپ بېرەي، بۇ ئادەمنى ئەجەبلەندۈرىدىغان سەرگۈزەشت، — ئادىرا مەلىكە سۆزىنى باشلىدى، — ئېرىم ئەھمەد تۇغاندىن تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئورنىغا بۇغرا قاراخان بولۇپ تەختكە چىققان مەنسۇرخان ھالىمدىن خەۋەر ئالغان بولۇپ، قەسرىمگە تولا كېلىدىغان بولۇۋالدى. ئېرىمنىڭ ئىنىسى دەپ ھۆرمىتىنى قىلىپ كۈتۈۋالسام، ئۇ ئۆزىنى بىلمىگەن گالۋاڭ بەزەتلىك قىلىپ: «قۇنچۇي، بۇنداق يالغۇز تۇرسىلا مەن خاتىرجەم بولالمايمەن، ئاكاممۇ قەبرىدە تىنچ ياتالمايدۇ، سىلىنى قەسرىمگە ئاچىقۇالايىمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن» دېمەسمۇ. تاپىنىمدىن كىرگەن ئوت مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى. غەزەپ ئاچچىقىم بىلەن: «بۇغرا قاراخان، خاتا ئويلاپلا، مەن ئۇنداق شاللاق خوتۇنلاردىن ئەمەس مەن، بۇغرا قاراخاننىڭ قىزى — قۇنچۇي مەن. قېشىمدا كېنىزەكلىرىم بار، يالغۇز قالغىنىم يوق. ئاغزىلىرىنى ئۇنداق قويۇۋەتمىسەلا، ئەنسىرەپ ئاۋارىمۇ بولمىسىلا» دېدىم. ئۇ خاپا بولغاندەك خىڭىلداپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈۋەردى، يەنە كىردى. توغرىدىن توغرا نىيىتىنى ئاتاپ: «ئادىرا، راستىنى دېسەم سىلىگە ئاشىق بولۇپ قالدىم. ئىددەت① مەزگىلى توشقاندىن كېيىن ئەمرىمگە
① ئىددەت — شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ئېرى ئۆلگەن ياكى ئاجراشقان ئايال يالغۇز ھالدا ئۆتكۈزىدىغان مۆھلەت «ئۈچ ئاي ئون كۈن». بۇ مۆھلەت ئۆتمىگۈچە ئەرگە تەگىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
ئېلىش قارارىغا كەلدىم. رازى بولسىلىرمۇ - بولمىسلىرىمۇ سىلىنى ئالغىنىم - ئالغان» دېۋىدى، جان - پېنىم چىقىپ كەتتى. قولۇمغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ قوغلاب چىقاردىم. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ھار كېلىپ، بىر كېچە - كۈندۈز دۇم يېتىپ يىغلىدىم. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، بېشىمدا يەنە شۇ مەنسۇرخان ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ، «نېمە قىلغىلى كەلدىڭ ئەبلەخ!» دېدىم ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ. «ئەرلىكىمنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن، دەپ كەلدىم ئادىرا. سىلى بەك چىرايلىق، مېنى مەھلىيا قىلىۋالدىلا» دەپ تۇيۇقسىز مېنى قۇچاقلىۋالدى. كىچىك چېغىمدىن ئات مىنىپ، ئوقيا ئېتىپ چوك بولغىنىم ئۈچۈنمۇ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ كەتمىدىم. غەزەپ ئاچچىقىم بىلەن بىر يۇلقۇنۇپ ئۇنىڭ ئىپلاس قولىدىن بوشىنىۋالدىم. تامغا ئېسىقلىق قىلىچنى قولۇمغا ئېلىپ: «مەنسۇرخان، ئۆزۈڭنى بىلىپ چىقىپ كەتكىن، بولمىسا شۇم كاللىڭنى نىجىس قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن» دەپ ئالدىمغا بىر قەدەم بېسىۋىدىم، ئۇ: «مەلىكە، مەن چىقىپ كېتەي» دەپ ئۆيدىن ئىتتىك چىقىپ كەتتى. مەن قەسىر ھويلىسىغا چىقىپ كېنىزەكلىرىمنىڭ باغلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. مەنسۇرخان جاندارلىرى بىلەن قەسىر ئىشىكىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، بىردىن كەينىگە بۇرالدى. «ئادىرا قونچۇي، شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، سەمىمىيەت بىلەن دېگىنىمگە ماقۇل بولمىسىڭىز، زەڭگىگە خوتۇنلۇققا بېرىۋېتىمەن، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز» دېدى - دە، ئىشىكنى پۇتى بىلەن تېپىپ يېپىۋەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەلپازى بەك قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇنىڭ قارا نىيەتتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلىپ، قورغاندىن كېتىش قارارىغا كەلدىم.
- مۇنداق دېسە، قونچۇي ئالىيلىرى. تازا يۈزسىزلىك قىپتىكەن - دە، مەنسۇرخان. قانداق قىلىپ ئوردىدىن ئايرىلدىلا؟
— قانداق غايىب بولۇپ كەتكەنتىلى قۇنچۇي ئالىيلىرى؟ — يۈسۈپ ئاخىرنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ ئاتىسىنىڭ سۆزىگە ئولاپلا سورىدى.
— مېنى خورسىن قىلمەن دېسەڭ، قۇنچۇي ئالىيلىرى دېمەي، ئابا دېسەڭ، بالام. ئالتۇن تارىم قۇنچۇي، تۈركەن خاتۇن دېگەن مەرتىۋىلىك ناملاردىن، ئابا دېگەن بۇ سۆز ھەم ئۇلۇغ، ھەم يېقىملىقتۇر. مەن ئوردىدىن مەنسۇرخاننىڭ ئىجازىتى بىلەن چىقىپ كەتتىم.
— مەنسۇرخاننىڭ ئىجازىتى بىلەن دېدىڭىزمۇ، ئابا؟ — يۈسۈپنىڭ ھەيرانلىقتا ئاغزى ئېچىلىپ قالدى.
— ھەئە، بالام. مەن ئوردىدىن قانداق چىقىپ كېتىش توغرۇلۇق كۆپ ئويلاندىم. ئاخىر ئامال تېپىلدى. پەرىزات ئىسىملىك بىر كېنىزەكەم بار ئىدى، ئۆزى نامرات دېھقان قىزى بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق ھەم ئەقىللىق قىز ئىدى. ئاكام يۈسۈپ قادىرخان ئۆدۈننى پەتھى قىلغاندا يەتتە ياشلىق بۇ قىزنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تېپىۋېلىپ قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. مەن يالغۇز قىز بولغاچقا ماڭا ھەمراھ قىلىپ قويدى، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە مەندىن ئايرىلماي كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپ مەسلىھەت سورىسام: «ئوردىدىن كەتكە كېتىلى» دېدى. بۇ ئورۇنلۇق مەسلىھەت ئىدى. لېكىن، مەنسۇرخانغا بىلدۈرمەي يولغا چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭغىمۇ پەرىزات يول كۆرسەتتى: «بۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرىدىن مەخپىي تۇتقان بىر سىرىم بار ئالتۇن تارىم، بۇغرا قاراخان ئەھمەد تۇغقانخان دەۋرىدە جانداۋلارنىڭ، ھازىر ياتغاقلار① نىڭ سەردارى بولۇپ كېلىۋاتقان قابانقۇنان مېنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ بىزگە جان دەپ ياردەم قىلىدۇ». مەن ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «ناھايىتى ئوبدان بولدى، پەرىزات. ئاۋۋال مەن مەنسۇرخاندىن
① ياتغاقلار — كېچىلىك قاراۋۇللار.
شىكارغا چىقىشقا رۇخسەت ئالاي. ئۇ رۇخسەت قىلمىسا، يولغا چىقىدىغان ۋاقتىمىزنى بەلگىلەپ قابانقۇننى خەۋەردار قىلايلى، بىزنى ئوردىدىن چىقىرىپ قويمىسۇن» دېدىم. پەرىزات ماقۇل بولدى. شىكارغا چىقىشىمغا ئىجازەت بېرىشنى سوراپ، مەنسۇرخان قېشىغا پەرىزاتنى چىقاردىم.
— ماقۇل بولدىمۇ، ئابا؟ — كۆزلىرىنى قارا پەردىگە تىككەن يۈسۈپ ئالدىراپ كېتىپ سورىدى.
— ماقۇل بولۇشىغۇ بولدى، بالام، پەرىزاتقا جاۋابىنى بەرمەي، ئۆزى قەسرىمگە كېلىپ: «نېمىشقا شىكارغا چىقىدىلا قونچۇي؟» دەپ سورىدى. «كۆڭلۈمنى ئېچىپ كەلمەكچىمەن» دېدىم. «مەن بىللە چىقايىمۇ؟» دېۋىدى، «بۇ دۆلەت كېنىزەكلىرىم بىلەن چىقاي. راستلا كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالغۇدەك بولسا، يەنە بىر قېتىمدا سىلى بىلەن چىقارمەن، خاقانىم» دەپ سىلىق جاۋاب بەردىم. «ماقۇل، ئالتۇن تارىم. شىكارغا چىقىپ كۆڭۈللىرىنى ئاچقاچ، دېگەنلىرىمنى باشقىدىن ئويلاپ كۆرەيلا، مەن سىلىگە موھتاج» دەپلا چىقىپ كەتتى. مەن دەرھال كېنىزەكلىرىم بىلەن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتىم. ئۈچ كۈندە تەييارلىق پۈتتى. قىرىق بىر كېنىزەكەم بار ئىدى. ئۇلاردىن ئون بىر مەرگەن چەۋەندازنى تاللىدىم. پەرىزاتقا: «بۇ كېچە تاڭ ئاتماستىن بۇرۇن شىكارغا ئاتلىنىدىغانلىقىمنى قابانقۇنغا بىلدۈرۈپ، ئوردا ئىشىكىدىن چىقىرىپ قويۇشقا ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ كېلىڭ» دەپ بۇيرۇدۇم. پەرىزات قايتىپ كېلىپ: «ماقۇل بولدى» دېدى. پەرىزاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون بىر كېنىزەكەم دۇبۇلغا — ساۋۇت كىيىپ، ئوقيا ئېسىپ، ئاتخانىدىن ئاتلارنى ئېلىپ كەلدى. يۈك — تاقلىرىمىزنى ئارتىپ يولغا چىقتۇق. قالغان كېنىزەكلەر كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۇزىتىپ قويۇشتى. ئوردا ئىشىكلىرىدىن، قورۇقوردۇ قورۇقىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىماي چىقىپ كەتتۇق. چۆدەرىياسمۇ كەينىمىزدە قالدى. ئارقىمىزدىن قوغلاپ كېلىپ قالمىسۇن، دەپ، كەچ كىرگۈچە ئاتتىن چۈشمەي
ماڭدۇق. شام بولاي دېگەندە يول چېتىگە چۈشۈپ، چارچىغان ئاتلارنى بىردەم سوۋۇتۇپ بۇغۇز بەردۇق. ئۆزىمىزمۇ ئېلىۋالغان يېمەكلىكتىن يەپ يەنە يولغا چىقتۇق. مەن بىر قانچە رەت ماڭغانلىقىم ئۈچۈن، ئوردۇكەنتكە بارىدىغان يولنى ئوبدان بىلەتتىم، شۇڭا ئېزىپ قېلىشتىن قورقماي كېتىۋەردۇق. ئۈچ كۈن ئۆتتى، ئارقىمىزدىن قوغلاپ كېلىشمىدى. تۆتىنچى كۈنىمۇ ئۆتتى. قورقۇش، خەۋپسىرەش، ئەنسىزلىك ئاستا - ئاستا كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپ روھلىنىپ قالدىم. بەشىنچى كۈنى چۈش مەھەلدە بىر توقايغا يېتىپ كەلدۇق. مەن ئاتتىن چۈشۈپ چېدىر بارگاھ قۇرۇشنى بۇيرۇدۇم. پەرىزات باشلىق كېنىزەكلىرىم توقاينىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئۇچۇقچىلىققا چېدىر بارگاھنى تىكتى. ئەتراپ يېپيېشىل دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىلەن قاپلانغانىدى. ھەممە ياندىن بۇلبۇل - تورغايلارنىڭ يېقىملىق ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇچۇقچىلىقتىن سەل پەسرەك بىر ئېقىن سۇنىڭ شەرقتىن غەربكە ئېقىۋاتقانلىقى كۆزۈم چۈشكەندە، ناھايىتى سۆيۈنۈپ كەتتىم. يازنىڭ راھىتى — ئېقىن سۇ. ئېقىن سۇ بار يەردە بوستانلىق، خوش ھاۋا بولىدۇ. كۆكسۈمگە ئۇرۇلۇپ تۇرغان مەيىن شامال مېنى ئىختىيارسىز كۆۆھجەپ ئېقىۋاتقان سۇ بويىغا ئېلىپ باردى. كۆز سالسام، ئەتراپتا دەرەختىن باشقا نەرسە كۆرۈنمىدى. كېنىزەكلىرىمگە تاماقتىن كېيىن ئالتە كېنىزەكنى قاراۋۇللۇق قىلىشقا بۇيرۇپ، بەش كېنىزەك بىلەن ئېقىن سۇغا چۈشتۈم. تەنلىرىم يايراپ كەتتى. بۇ سۇ خۇددى ئاستىغا ئوت قالاپ ئىسسىتىپ قويغاندەكلا ئىللىق ئىدى. بەك ھۇزۇرلاندىم، سۇدىن زادى چىققۇم كەلمىدى. بىر - بىرىمىزگە سۇ چېچىپ ئويناپ پەيزى قىلىۋاتساق، پەرىزات: «قۇنچۇي ئالىيلىرى، بىر توپ تۇلۇملۇق ئەرلەر بۇياققا كېلىۋاتىدۇ» دېمەسمۇ. «مەنسۇرخاننىڭ ئادەملىرى بولسا كېرەك، قوغلاپ
كەپتۇ - دە، مەلعۇنلار» دەپ ئاچچىقلىنىپ، ئالدىراشلىقتا تاشقى لىباسىمنى، ساۋۇت - دۇبۇلغامنى ئالتىنەك كىيىپ، قولۇمغا قىلىچنى ئالدىم. كېنىزەكلىرىمنى جەڭگە تەييارلىنىشقا بۇيرۇدۇم. قورشاۋغا چۈشۈپ قالغىنىمنى تۇيدۇم. تۈرلۈك ئەرلەر تۆت تەرەپتىن يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. قالپاق كىيگەن قوش بورۇن بىرى: «ئەي نازىنىن، سىز پادىشاھنىڭ خانىشىمۇ ياكى قىزى؟» دەپ سورىدى. «پادىشاھنىڭ قىزى مەن، ئۆزۈممۇ پادىشاھ» دەپ جاۋاب بەردىم. «بىز قاراقچى، مەلىكە. مەن سەردار. بىزگە سىز ئەمەس، مال - دۇنيارىڭىز كېرەك» دېدى. يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان بۇ نامەردلەر بىلەن ئېلىشىشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئۇلارنىڭ سورىغىنىنى بېرىپ يولغا راۋان بولۇشنى ئەۋزەل بىلدىم. ئېلىۋالغان ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ يېرىمىنى ئايرىپ: «مانا ئېلىڭلار، مەندە بارى مۇشۇ، بىز شىكارغا چىققانىدۇق، ئەگەر ئاز كۆرسەڭلار، قايتقاندا، ئوردىدىن يەنە ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىي. ئەگەر بىزگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنساڭلار، بۇغرا قاراخاننىڭ جازاسىغا ئۇچرايسىلەر. بۇ يەردىن دەرھال قايتىپ كېتىڭلار» دەپ تەھدىت سالدىم. «قونچۇي خېنىم، ئانداق بولسا، بويۇن - قولاقلىرىڭىزدىكى زىننەت بۇيۇملىرىڭىزنىمۇ بىزگە بېرىۋەتسىلە» دېدى ھېلىقى قاراقچىلارنىڭ سەردارى ئاچ كۆزلۈك بىلەن قادىلىپ.
بويۇنۇمدىكى گۆھەر كۆزلۈك زۇننارنى، ئالتۇن ھالقامنى، ئالماس كۆز قويۇلغان ئۈزۈكلىرىمنى ئېلىپ تاشلاپ بەردىم. ھېلىقى ئەبلەخ سەت ھىجىيىپ: «قونچۇي خېنىم، ئەمدى سىزدە ماڭا بېرىدىغان بىر ئېسىل نەرسە قالدى. ئاۋۇ دەرەخنىڭ دالدىسىدا يېرىم سائەت سىردىشىۋالايلى، ئاندىن يولغا سېلىپ قوياي، سەپەرلىرى بىخەتەر بولىدۇ» دەپ ئالدىغا قەدەم تاشلىدى. «توختا، ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما !» دەپ قىلىچىمنى كۆتۈردۈم. كېنىزەكلىرىممۇ مېنى قوغداشقا تەييارلىنىپ قىلىچلىرىنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈشتى. مەن قاراقچىلارنىڭ سەردارى بىلەن
قىلىچلىشىپ كەتتىم. ئىككى يېنىمدىن ئىككى قاراقچى ھۇجۇم قىلدى. «تەڭرىم، ماڭا ئۆزۈڭ مەدەتكار! گۈزەل ياراتقان تېنىمنى پاك ساقلىغايسەن» دەپ ئۇرغان قىلىچىم ئونىڭ ئومۇتقا تېگىپ سۇندى. قاراقچىلار سەردارى: «بۇ قونچۇي خېنىمنى ئۆزۈمگە قويۇپ بېرىش» دەپ ئومۇتنى ئوينىتىپ يېقىنلاپ كەلدى. كەينىمگە داجىپ - داجىپ يىقىلىپ ياتقان دەرەخكە پۇتلىشىپ ئوڭدامغا چۈشتۈم. «تەڭرىم، پاك پېتىم ئۇ دۇنياغا كېتىشلىك نېسىپ ئەيلە» دەپ، قوللىرىمنى يەرگە تىرەپ قوپماقچى بولۇۋاتقىنىمدا، «تارت قولۇڭنى ئەبلەخ!» دېگەن سۈرلۈك ئاۋاز قۇلىقىمغا كىردى. قارىسام قاباتقۇنان قاراقچىلارنىڭ سەردارىنى چېپىپ تاشلاپتۇ. «قونچۇي ئالىيلىرى، زېھىنلىنىڭلار، قاراقچىلار قېچىپ كېتىشتى. ئەمدى ئۇلار سىلىگە خەۋپ تۇغدۇرالمايدۇ» دېدى ئۇ تەزىم قىلىپ.
ئەتراپ قان بىلەن بويىلىپ كەتكەنىدى. بوغۇزلانغان، چېپىلغان كىشىلەرنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. چېپىلىپ، نەيزە سانجىلىپ ئۆلگەن بىر قانچە قاراقچىنىڭ جەسىتى ئوتتا دۆم بولۇپ قالغانىدى. باغلاپ قويۇلغان ئاتلار يۇلقۇنۇپ ئەنسىز كىشنەشەتتى. مەن كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ پەرياد ئۇردۇم. «قونچۇي خېنىم، مەن بۇ يەردە» دەپ، ئۆلگەن قاراقچىنىڭ يېنىدىن ئاستا تۇرغان پەرىزات يېنىمغا كەلدى. «ئاھ، تەڭرىم، بۇ نېمە بالا - قازا» دەپ يىغلاپ كەتتىم. «يىغلىمىسىلا قونچۇي خېنىم، ساق قالغانلارغا شۈكۈر قىلسىلا» دېدى قاباتقۇنان. مەن: «بۇ يەردە ئىككىمىزنى سىز قانداق بىلدىڭىز؟» دەپ سورىدۇم. «ئالىيلىرىنى يولغا سېلىپلا، بۇغرا قاراخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەينىڭلاردىن ئىز بېسىپ ماڭغاندىم» دېدى ئۇ. «ئۇنداق بولسا، قاراقچىلارنىڭ بىزنى قورشۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىز - ھە» دېدىم. «كۆرۈپ تۇردۇم، قونچۇي ئالىيلىرى» دېدى. «قاراقچىلار كىشىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋاتسا، نېمىدەپ قاراپ تۇردىڭىز؟» دەپ پەرىزاتقا قارىدىم.
چىرايى ساماندەك سارغىيىپ كەتكەن قىز كۆكسۈمگە بېشىنى قويۇپ يىغلاپ كەتتى. «مېنى يالغۇز قالدۇرۇشتىكى مۇددىئايىڭىز نېمە؟» دەپ سورىدىم سوغۇق نەزەر تاشلاپ تۇرغان قابانقۇناندىن. «ئائىلىلەرنى ئاسراش» دېدى ئۇ. مەن چۈشىنەلمىدىم. «مېنى ئاسراپ قېلىش ئۈچۈن قاراقچىلارنىغۇ ئۆلتۈردۈڭلار، كېنىزەكلەرمۇ ئۆلۈشى زۆرۈرمىدى؟» دەپ سورىدىم، قابانقۇنان ھىجايدى: «سىلىنىڭ ساق قېلىشلىرى ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەممە ئاياللار ئۆلسە ئەرزىيدۇ، قونچۇي خېنىم. بۇنى چۈشىنەلمەيۋاتاملا؟ ماۋۇ ئۆلۈشكە تېگىشلىك بولغان قىزمۇ ساق قالدى، ئۇ سىلىگە ھەمراھ بولىدۇ» دەپ پەرىزاتقا شۇنداق بىر قارىۋەتتى، ۋەھىمە ئىچىدە قىسىلغان يۈرىكىم جىغىلداپ كەتتى. «بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىدە نېمە باردۇ؟» دەپ ئويلاپ تۇرۇۋېدىم، ئۇ: «بۇ يەردىن تېز كېتەيلى قونچۇي ئائىلىرى، قاچقان قاراقچىلار ئادەم يىغىپ يەنە كېلىشى مۇمكىن» دېدى ۋە قولىدىكى نەرسىلەرنى ماڭا تەڭلىدى: «بۇ زىبۇزىننەتلىرىنى تېقىۋالسىلا، يەنە لازىم بولىدۇ». قولۇمنى ئۇزارتقۇم كەلمىدى. «مەن كىشىگە بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋالمايمەن، سىزدە قالسۇن» دېدىم. «رەھمەت، ساقلاپ قوياي، ئەسقاتىپ قالار» دەپ ئېتىغا ئارتىلغان خۇرجۇنغا سېلىپ قويدى.
مەن: «بۇ كېنىزەكلەرنىڭ جەسەتنى كۆمۈۋېتىپ ئاندىن ماڭايلى» دېدىم. «بۇ ئىشنى نۆكەرلەرگە تاپشۇرۇپ، تېز يولغا چىقايلى» دېدى ئۇ ئالدىرىتىپ. «نۆكەرلەر بىز بىلەن بىللە ماڭمامدۇ؟» دېدىم، ئۇ: «ياق، ئادەم كۆپ بولسا، ئاۋارىچىلىك تولا بولىدۇ. نۆكەرلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى، ئۇلار ئەمدى ئۆزلىرى خالىغان جايغا كېتىدۇ» دېدى. مەن ئەجەبلەنگەن ھالدا ئېتىمغا مىندىم، ئۇنىڭدىن يەنە سوراشنى خالىمىدىم. پەرىزات بىلەن قاتارلىشىپ ماڭدىم. قابانقۇنان يۈك ئارتىلغان ئۈچ ئاتنى بىر - بىرىگە چېتىپ يېتىلەپ ماڭدى. شۇ ماڭغانچە توختىماي كېچىچە يۈردۇق. مەنمۇ، قابانقۇنانمۇ، پەرىزاتمۇ زوۋان
سۈرۈشمىدۇق.
ئەتىسى زاۋال ۋاقتىدا بەدەھشارت داۋىنىغا يېتىپ كەلدۇق. ئالدىمىزدا ئېگىز تاغ، بىر ياندا جاڭگال، يەنە بىر ياندا كەڭ سايلىق، ئاجايىپ يەر ئىكەن. ئاتتىن چۈشتۇق. پەرىزات قاتتىق قورقۇپ كەتكەنمۇ، تېخىچە ئېسىگە كېلەلمىگەندى، چۆچۈپ تۇراتتى، چىرايىدا قان يوق ئىدى. ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، كۆرۈنۈپ تۇرغان تارام ئېقىننىڭ بويىغا ئېلىپ بېرىپ يۈز - قوللىرىمىزنى يۇدۇق. بىز كەلگۈچە قابانقۇنان ئوتۇن يىغىپ غولا سېلىپ ئىككى قىرغاۋۇل، بىر توشقاننىڭ گۆشىنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇۋېتىپتۇ. «بۇلارنى باياتىن ئېتىۋالدىم، سىلەرنىڭ رىزقىڭلار» دېدى ئۇ مىننەت قىلغان ھالدا. مەن گەپ قىلماي، يۈكلەرنى چۈشۈرمەيلا باغلاپ سوۋۇتۇپ قويغان ئاتلارنىڭ يېنىغا باردىم. يېمەكلىكلەر قاچىلانغان خۇرجۇندىن نان، تالقان ۋە چاي قاينىتىدىغان چۆگۈن ئالدىم. كەينىمگە ئۆرۈلسەم پەرىزات لاغىلداپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ يالغۇز ئولتۇرغۇسى كەلمىگەنگە ئوخشايدۇ. چۆگۈننى بېرىپ: «سۇ ئېلىپ كەلگىن، چاي قاينىتىمىز» دېدىم ئۆزۈمنى قورقۇمسىز كۆرسىتىپ. ئاندىن ئوت يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. پەرىزات چۆگۈننى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا قويۇپ چاي قايناتتى، مەن ياغلىق گۆشتىن ناننى ئوشتۇپ بىر پارچىنى ئاغزىمغا سالدىم. «ماۋۇ كاۋاپتىن يەڭلار» دېدى قابانقۇنان. مەن ئاچلىمىغان بولۇپ ناندىن يەپ، چايدىن ئىچىۋەردىم. پەرىزاتقىمۇ جان كىرگەندەك بولدى. ئۇ: «سەردار، ئەگەر مېنى قاراڭغۇلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟» دەپ سورىدى. بۇ قىزنىڭ ھازىرغىچە ئاشۇ پاجىئەنى ئويلاپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەندىشىسىنىڭ تېخىچە تۈگىمىگەنلىكىنى كۆرسەتەتتى. «ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا ئۆزۈم كۆمۈپ قوياتتىم». قابانقۇن those بو جاۋابى پەرىزاتنى سەسكەندۈرۈۋەتتى، مەنمۇ چۆچۈپ كەتتىم. «سىلى مېنى ياخشى كۆرەتتىلىغۇ؟» دېدى پەرىزات. ئۇنىڭ قوي كۆزلىرى ياشقا تولغانىدى. «ياق، سىزنى
ئەمەس، قونچۇي ئالىيلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم، شۇڭا سىز بىلەن يېقىنلاشقانىدەم» دېدى قابانقۇنان ماڭا كۆز قىرىدا قاراپ. «ھە، بىلدىم، سىلى نېمىشقا تاش يۈرەك! كېنىزەكلىرىنى قاراقچىلار ئۆلتۈرۈۋاتقاندا، يوشۇرۇنۇپ قاراپ تۇرۇشلىرى سەۋەبسىز ئەمەس ئىكەن، بەك قارا نىيەت ئىكەنلا سەردار» دېدى پەرىزات ئەلەم بىلەن.
«ھۆ، ئۆزىنى بىلمىگەن ئەبلەخ! سەن تېخى ماڭا قانات سۆرەپ كېلىۋېتىپسەن - دە!» دېدىم غەزەپ بىلەن. قابانقۇنان چاچراپ تۇرۇپ قىلىچىنى شارت قىلىپ سۇغۇردى - دە، چاپتى. ئاھ! پەرىزاتنىڭ تېنىدىن جۇدا بولغان بېشى يەرگە چۈشۈپ توپىغا مىلەندى، قارا چاچلىرى قانغا چىلاندى… چىدىيالماي قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغۇردۇم. «تەڭرىم، پاك ھالدا ئۇ دۇنياغا كەتتى، ھەرگىزمۇ بۇ قانخورنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈرمە» دەپ ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا چاپتىم. ئۇ ئۆزىنى يانغا ئالدى، قىلىچىم بىر قىرلىق تاشقا تەگكپ ئوت چاچرىدى. قابانقۇنان قاھاقلاپ كۈلۈپ: «مېنى ئۆلتۈرەلەيدىغان قونچۇي تېخى دۇنياغا تۆرەلگىنى يوق» دېدى - دە، كاۋاپ بولغان قاغائۇل گۆشىنى مالاچلىتىپ يېگىلى تۇردى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشنى نومۇس بىلىپ، قىلىچىمنى كۆتۈرگىنىمچە ئېقىن بويىغا كەلدىم. يېڭى چىققان ھىلال ئاينىڭ شولىسى سۇ يۈزىدە چاقنايتتى، ياقلار مۇڭلۇق كۆرۈلدەيتتى، قانداقتۇر ئۇچار قۇشلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ خىلمۇخىل سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تىترەك بېسىپ قورقۇنچ ئىچىدە قالدىم. بىردىنلا بورۇننىڭ ھۆللۈكىنى ئاڭلىنىپ، ۋۇجۇدۇمغا غەيرەت كىرگەندەك بولدى. «قولۇڭغا تىرىك چۈشكەندىن كۆرە، بۆرىگە يەم بولغىنىم مىڭ ياخشى» دەپ تەرەت ئالدىم. ئاياغ تاۋۇشىنى ئاڭلاپ، قارىسام قابانقۇنان كېلىۋېتىپتۇ. دەرھال قىلىچنى قولۇمغا ئېلىۋالدىم. «ھە، قونچۇي، ئۆيلەنمەيدىلىمۇ؟ ئۆلگەندىن يەنلا تىرىكلىك ئەلا. بۇ دەشتتە ئىككىمىزلا قالدۇق. جاھىللىق قىلماي، مەن بىلەن بۇ
كېچىنى بىللە ئۆتكۈزسەك، ئوردىكەنتكە سالامەت يەتكۈزۈپ، ئۆمۈر بويى قۇللىرى بولۇشقا ۋەدە بېرىمەن» دېدى قابانقۇنان. «جۆيلۈمە كاززاپ! سېنىڭ خىلىڭ قانجۇق ئىت. تولا سۆزلەنمەي چاپ قىلىچىڭنى!» دەپ ۋارقىرىدىم. قۇتاردەك دېۋەك بۇ مەلئۇن خىرىلداپ كۈلدى: «ماقۇل، قونچۇي خېنىم، قاراڭغۇ چۈشسۇن، جانلىرىڭا ئىچلىرى ئاغرىمىغان بىلەن مېنىڭ ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. سەل تېخىر قىلسىلا، يا مېنىڭ دېگىنىمچە بولار، يا سىلىنىڭ دېگەنلىرىچە بولار» ئۇ قىلىچىنى كۆتۈرگىنىچە ئاتلارنىڭ يېنىغا كەتتى.
ئەجەب ئىش، قابانقۇنان يېقىنلاپ كەلسە ۋۇجۇدۇمدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى، يىراقلاپ كەتسە قورقۇنچ ئىچىدە قالاتتىم. كۆك يۈزىنى بۇلۇت قاپلاپ ھاۋا گۈلدۈرلەشكە باشلىدى، لېكىن يامغۇر ياغمىدى. قاراڭغۇلۇق باستى. ئوتقاشنى كۆتۈرگەن قابانقۇنان يېقىنلاپ كەلدى. مېنى ئورۇۋالغان قورقۇنچ ۋۇجۇدۇمدىن كۆتۈرۈلدى. قىلىچنى كۆتۈردۈم. ئۇ نەيزىسىنى تەڭلەپ بارغانسېرى ماڭا يېقىنلىدى، نەيزىنىڭ ئۇچىنى كۆكسۈمگە تىرەپ، تۆمۈر ساۋۇت كىيىۋالمىغان بولسام نەيزە يۈرىكىمگە قادالغان بولاتتى. ئۇ نەيزىنى كۆكسۈمگە قاداپ تۇرۇۋەردى. قىلىچ بىلەن بىر قانچىنى ئۇرۇپمۇ نەيزىنى سۇندۇرالمىدىم. ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ: «قونچۇي خېنىم، قىلىچنى تاشلىسىلا، ئەمدى سىلىگە ھېچكىم پاناھ بولمايدۇ» دېدى ۋە نەيزىنى كۈچ بىلەن كۆكسۈمگە ئۆردى. سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدىم. قۇلىقىمغا بۇرۇننىڭ ھۆۈلگىنى يەنە ئاڭلاندى. قابانقۇنان مېنى بېسىۋالدى. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى ئىتتىردىم، ئۇ ئىككى تىزى بىلەن كۆكسۈمگە نىقتاپ تۇرۇپ گېلىمنى بوغۇۋالدى. دېمىم سىقىلىپ تىنالماي قالدىم. بىردىن ئۇنىڭ قوللىرى بوشاپ بىر يانغا پۇلاڭلاپ يىقىلدى. دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم، قاراپ داڭ قېتىپ قاپتىمەن. كۆزلىرى چىراقتەك يانغان بۆرىلەر ئەتراپىمنى قاپلاپ كەتكەندى. چاچلىرى گەدەنگە
چۈشكەن بىر يالىڭاچ بالا بىر قولىدا ئوتقاشنى، بىر قولىدا ئوچۇق قورام تاشنى تۇتۇپ ئالدىمدا تۇراتتى، تاش قانغا مىلىنگەنىدى. ئۇ بالا بۆرىدەك ئۇزاق ھوۋلىدى، بۆرىلەرمۇ تەك ھوۋلاپ كېتىشتى. قورققىنىمدىن پۇت - قولۇمدا جان قالماي ئولتۇرۇپ قالدىم. بالا تۈك باسقان قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ چىرقىرىدى، بۆرىلەر كەينىگە يېنىپ جىلغىغا كىرىپ كېتىشتى. ئۇ دۆم ياتقان قابانقۇلنىڭ بېشى - باشلىرىغا بىر نەچچىنى تەپتى. ئۇ ئۆلگەنىدى. بالا ماڭا قاراپ غەلىتە بىر ئاۋاز چىقاردى - دە، بېرىپ قابانقۇلان بايا ياققان ئوت ئۈستىگە ئوتۇن تاشلاپ تۇتاشتۇردى. ياراسلاپ يانغان ئوتنىڭ قىزىل تىللىرى ئەتراپنى يورۇتتى. مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ جەسەت يېنىدا تۇرغىنىمنى بىلىپ، قورققىنىمدىن چىرقىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپ ئوت يېنىغا بېرىۋالدىم. بالىنىڭ تۈك باسقان يۈزىدە كۆلگە پەيدا بولدى. كۆزۈم ئۇنىڭ بوينىدىكى ئېسىل تۇمارغا چۈشتى، نەچچە قېتىم قولۇمنى ئۇزارتىپ، تۇمارنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماي قايتۇرۇۋالدىم. بالا بۇنى سەزگەن بولسا كېرەك، بوينىدىن تۇمارنى ئېلىپ ماڭا بەردى. زەنجىرى ئالتۇن ئىكەن. تۇمارنى سۆكۈپ، ئىچىدىن ئايەت يېزىلغان سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق قەغىزىنى ئالدىم. ئوتقا يېقىن ئاپىرىپ، يېزىلغان خەتلەرنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆزۈم ئەڭ ئاستىدىكى قۇرلارغا چۈشكەندە، بىردىن قاتتىق ۋارقىرىۋەتتىم: «ئىبراھىم تېگىن!» مەن بالىغا قاراپ: «ئىبراھىم تېگىن، جېنىم ئۆكام!» دەپ پىچىرلىدىم…
مەلىكە ئادىرا سۆزدىن توختاپ قالدى. پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتقان يۈسۈپ قارا پەردىدىن كۆزىنى ئالماي كۈتۈپ ئولتۇردى. ئۆينى جىمجىتلىق باستى. رەيھاننىڭ ئوغلىنىڭ بىتاقەت بولۇۋاتقىنىنى بىلىپ:
— قونچۇي ئالىيلىرى، ئىبراھىم تېگىن دېگەنلىرى كىم بولىدۇ؟ — دەپ سورىغان بولسىمۇ جاۋاب بولمىدى. يۈسۈپ
ئاتىسىغا قاراپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى دە، قارا پەردىنى سەل قايرىپ، مەلىكىنىڭ چوڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە ياش تۆكۈۋاتقىنىنى كۆردى. ئونىڭغا قارىغان مەلىكە: بالام، كېلىپ ئولتۇرۇسلا، دېدى. يۈسۈپ پەردىنى قويۇپ بېرىپ، مەلىكىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. ئابا، ئىبراھىم تېگىن دېگەنلىرى ئاشۇ بۆرە بالمۇ ھە؟ دەپ سورىدى ئۇ. ھەئە بالام. ئۇ مەرھۇم ئېلىم ئەھمەد توغانخاننىڭ ئىنىسى ناسىر ئېلىكخاننىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئۇ شاھزادە قانداق بولۇپ بۆرە توپىغا قېتىلىپ قاپتۇ، ئابا؟ بۇ ۋەقە مۇنداق بولغان، بالام، مەلىكە ئادىرا كېنىزەك قويۇپ قويغان كۈمۈش جامدىكى چايدىن بىر يۇتۇۋېلىپ سۆزىنى باشلىدى، ناسىر ئېلىكخان ئاكام يۈسۈپ قادىرخان بىلەن سامانىيلار خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، خارەزم پاداشاھىنمۇ ئۆزلىرىگە ئەل قىلىپ، قاراخانىيلار زېمىنىنى ناھايىتى كېڭەيتكەن ھەم سەمەرقەندتە تەختتە ئولتۇرغانىدى. ئۇ باتۇر، ئەقىللىق ھەم ئادىل پاداشاھ ئىدى. مەلىكىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلغاچقا، بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرىگە بويسۇنغانىدى. لېكىن، ئېلىم ئەھمەد توغانخان ئونىڭ ئابرۇيى قازىنىپ كەتكىنىنى كۆرەلمەي، لەشكەر ئەۋەتىپ ئونى يوقاتماقچى بولغان. بۇ ناسىر ئېلىكخانغا بەك ئەلەم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغان. ئۇ ئېلىم ئەھمەتكەن لەشكىرلىرىنى نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ چىكىندۈرگەن. يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ۋاپات بولغاندا، ئىبراھىم تېگىن بىر ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندە، غەزنەۋىلەر سۇلتانى خارەزمگە بېسىپ كىرىپتۇ. ئىبراھىم تېگىننىڭ ئانىسى ئالتۇن تارىم بولاقئاي بىر قانچە كېنىزەكلىرى بىلەن
ئۈچ قول زەڭگىنىڭ مۇھاپىزىتىدە سەپەرگە تىن يولغا چىقىپتۇ، ئەمما ئوردۇكەنتكە بارالماپتۇ. كېتىۋاتقان كارۋان بۇ خانىشنىڭ جەسەتنى چۆل بويىدا ئۇچرىتىپتۇ. مەن ئۇ چاغدا ئوردۇكەنتتە ئىدىم، ئىبراھىم تېگىننىڭ ئاكىسى مۇھەممەد تېگىنمۇ ئوردۇكەنتتە ئىدى. كارۋان ئەھلىدىن ئالتۇن تانىم بۇلاق ئېيىنىڭ چۆلدە قازا قىلغىنىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئېچىندۇق، ئەمما ئوغلى ئىبراھىم تېگىننىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەرگە ئېرىشەلمىدۇق. مانا سەككىز يىل ئۆتۈپ ئۇنى بۆرىلەر توپى بىلەن ئۇچراتتىم. ئۇ ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، بۇنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم ئەجەبلەنمەي قالمايدۇ.
— قونچۇي ئاپا، شۇنداق قىلىپ ئىبراھىم تېگىننى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئوردۇكەنتكە ئېلىپ كەتتىلىمۇ؟
يۈسۈپنىڭ بۇ سوئالىنى ئاڭلاپ تۇرغان رەيھاندىن كۈلۈمسىرەپ، مەلىكىنىڭ جاۋابىغا قۇلاق سالدى.
— بىللە باردى، لېكىن بۇ ئاسانغا چۈشمىدى، بالام. دەسلەپ مەن ئۇنىڭغا گېپىمنى زادىلا ئۇقتۇرالمىدىم. بىر ئاي ئاشۇ داۋان باغرىدا بۆرە بالا بىلەن بىللە ياشىدىم. ھەر كۈنى نەچچە قېتىم بۆرىلەر توپ — توپ بولۇپ كېلىپ، ئىبراھىم تېگىننى چۆرىدەپ زوق ئولتۇرۇشۇپ ھوۋلىشاتتى، يەنە ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن كېتىشەتتى. بارا — بارا بۆرىلەردىن قورقمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر سائەتتە نەچچە ئون قېتىم بۆرە بالىنىڭ ئىبراھىم تېگىن دېگەن ئىسمىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئەقەنى ئەسلىتمەكچى بولدۇم. ئاخىرى ئەجىرم بېكارغا كەتمىدى، بالا ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە ئۇزاققىچە ماڭا قاراپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتەتتى. مېھرىبانلىق، كۆيۈمۈم بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزۈمگە نىسبەتەن بالىلىق مېھر — مۇھەببەت پەيدا قىلدىم. ئوردۇكەنتكە كېتىش توغرۇلۇق تولا سۆزلەپ ئاخىرى ئۇقتۇردۇم. ئۇمۇ ئاخىرى زۇۋان سۈردى. ئۇ باش چايقاپ مەن
بىلەن كېتىشكە ئۈندىمىدى. باش - كۆزۈمنى سىلاپ باغرىمغا باستىم، پېشانەمگە سۆيدۈم، ئاندىن ئاتقا مىنىپ خوش ئېيتىپ ماڭدىم، ئۇ قاراپ قالدى. بىر چاغدا «ئابا!» دەپ ۋارقىراپ يۈگۈرۈپ ماڭا يېتىشۋالدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن بىرىنچى سۆزمۇ «ئابا» دېگەن ئۇلۇغ سۆز ئىدى. بوينۇمغا گىرە سېلىپ مەن بىلەن كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خۇشال بولغىنىمدىن يىغلاپ تاشلىدىم. ئەتراپىمىزغا بۆرىلەر يىغىپ كەتتى. ئىبىراھىم تېگىن كۆزلىرى ئوتتەك يانغان بىر بۆرىنىڭ يېنىغا بېرىپ قۇچاقلاپ سۆيدى، ئېھتىمال، بېقىپ چوڭ قىلغان بۆرە شۇ بولۇشى مۇمكىن. باشقا بۆرىلەر بىلەنمۇ قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. قولىنى پۇلاڭلىتىپ دەسلەپ كۆرۈشكەندە چىرقىرىغاندەك چىرقىرىۋەتتى، بۆرىلەر جىمجىتقا كىرىپ كېتىشتى. بۆرە بالا ئاتقا مىندى. ئىككىمىز بەدەھشەت داۋاندىن ئۆتۈپ، ئون كۈن يول يۈرۈپ ئوردۇكەنتكە يېتىپ كەلدۇق. مۇھەممەد تېگىن ئوغلۇمنىڭ كەلگىنىدىن چەكسىز خۇشال بولدى. ئاكام يۈسۈپ قادىرخان ئىبىراھىم تېگىنىمۇ ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بۆرە تېگىن نامى بىلەن مەشھۇر بولدى. ھازىر ئوردۇكەنتتىكى ساچىيە مەدرىسىدە ئوقۇۋاتىدۇ.
— ھە! — يۈسۈپ ھەيرانلىقتىن كۈلۈمسىرىدى ۋە كۆڭلىدە پەيدا بولغان ئارزۇسىنى پىچىرلاپ ئېيتتى، — خۇدا بۇيرۇسا ئوردۇكەنتكە بارسام بۆرە تېگىن بىلەن كۆرۈشمەي قويمايمەن.
مەلىكە ئادىرا يۈسۈپنىڭ بېشىنى سىلىدى.
— بالام، بۆرە تېگىن سىلىدىن ئۈچ ياش چوڭ. ئۇ ئون تۆت ياشقا كىردى. سىلىدەك تىرىشىپ بىلىم ئېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى ئالىم بولۇش ئەمەس، ھۆكۈمران بولۇش، ئۇنىڭ تەبىئىتىدە بۆرىلەرنىڭ خۇيى بار…
— بىلدىم، قونچۇي ئابا. مەن ئالىم بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۇنىڭ بۆرىلەر توپىغا قانداق بولۇپ قوشۇلۇپ قالغىنىنى
ئاڭلىغۇم بار، سۆزلەپ بەرسەڭ بولىدۇ.
— ماقۇل، سۆزلەپ بېرەي بالام. بۆرە تەگكەن ئانا تىلدا سۆزلەشنى راۋرۇس ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ ياشتىن ئاشقان ۋاقتىدا يۈز بەرگەن پاجىئەنى ئېسىدە قالغىنى بويىچە دەپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ماڭا مەلۇم بولغىنى مۇنداق… — مەلىكە ئادىرا تىلىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن سۆزنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى. بۇ بالاغەتكە يەتمىگەن ئۆسمۈر گۆدەككە نومۇسلۇق پاجىئەنى قانداق بايان قىلىپ بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىۋېلىپ، ئاندىن گېپىنى داۋام قىلدى، — خانىش بۇلاقاينى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭغان ئۈچ قۇلنىڭ يولدا نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇلار كېنىزەكلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، بىر — بىرىگە يول قويماي قىلىچلىشىپ كېتىپتۇ. كۈچتۈڭگۈر قارام بىرى ئىككى بۇرادىرىنى ئۆلتۈرۈپ، خانىشنى ئېلىپ قاچماقچى بوپتۇ. ئەمما، خانىش خەنجەر تەڭلەپ، ئۇنى يېنىغا يولاتماپتۇ. قارا نىيەتكە يېتەلمىگەن ۋەھشىي قۇل خانىشنىڭ باغرىغا قىلىچ ئۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز كېلىپ قالغان بىر توپ بۆرە ئۇ قۇلنى يان — يېنىدىن چىشلەپ بىر دەمدىلا يەپتۇ. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئانىسىنىڭ قانغا بويالغان باغرىدا يىغلاپ ياتقان ئىبراھىم تەگكەننى بۆرىلەر ئېلىپ كېتىپتۇ. سەككىز يىل بۆرىلەر ئارىسىدا يۈرۈپ سۆزلەشنى ئۇنتۇپ كەتكەچكە، ھازىر راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان بولدى.
— ھە ! — يۈسۈپ ھەيرانلىقتىن جىم بولۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا كۆزلىرى ئوتتەك يانغان بۆرىلەر توپى ئارىسىدىكى ئىبراھىم تەگكەن كۆرۈنگەندەك بولدى.
— مانا بالام، سىلىگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان سەرگۈزەشتەم شۇ. بۆرە تەگكەن ھېكايىسىنى مەشھەدە توختىتاي، قالغىنىنى سىلى بۈگۈن بەلگە بولغاندا ئىزدەپ — سوراپ ئاڭلىۋالارلا.
يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ مەلىكىگە باش ئەگدى:
— رەھمەت قونچۇي ئابا، مەن سىلىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن، — كۆزلىرىگە ياش ئالغان يۈسۈپ مەلىكنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرى تەگكەن پېشانىسىنى سىلىغان پېتى قارا پەردىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ، ئاتىسىنىڭ باغرىغا تاشلاندى. ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى. مەلىكە ئادىرانىڭ مۆگلۈك ئۈنى يەنە ئاڭلاندى:
— رەيھاندىنبەگ، دېمەكچى بولغىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىلا، بايا ئېيتقىنىمدەك، قوزغۇلاڭغا كېلىشتىكى مەقسىتىم جەڭدە جان تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئىدى، بۇ ئارزۇيۇمغا تەڭرىم يەتكۈزمىدى. جەڭدە قۇربان بولغان سېيىت ئەلى ئارسلانخان بوۋىمىزنىڭ ياتقان جايىغا بېرىپ، ئەۋلادىمغا ئىنتىساب، شۇجائەت تىلەپ، قالغان ئۆمرۈمنى تائەت — ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزمەكچىمەن. بۇنى سىلى ئۆزلىرىلا بىلىپ قالسىلا، رەيھاندىنبەگ. خانلىقىمىزنىڭ ناقابىل خاقان، قارا نىيەت يوغۇرۇشلار ئىلكىدە زەئىپلىشىپ، پارچىلىنىپ كېتىشىگە ھەرگىزمۇ قول قوشۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمەن. سىلىدىن، ئوغۇللىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم شۇ.
— باش ئۈستىگە، قونچۇي ئالىيلىرى. ئۆزلىرى بۇ نىيەتكە كەلگەنكەنلا، يېقىن قانداقمۇ توسۇپ قالاي. تەڭرىمگە ئامانەت. ئاق يۈزلۈك، ئاقيوللۇق بولغايلا، — رەيھاندىن قوپۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى.
— رەيھاندىنبەگ، خوشلىشىش ۋاقتىدا خاندانلىقىمىزنىڭ توختاپ قالغان بىر ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلماقچىمەن. ئۇ بولسىمۇ، ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بوۋام زامانىدىن يولغا قويۇلغان — ھەر كۈنى توقسان توققۇز يېتىم، يېسىر، مۇساپىرلارغا تاماق بېرىش. بۇ خاسىيەتلىك ئەنئەنە ئەھمەد تۇغانخان دەۋرىدە توختىتىپ قويۇلغانىدى، مەنسۇرخان ۋاقتىدا ھېچكىم تىلغا ئالمىدى. بۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش — پادىشاھلارنى ئىنتىسابقا ئۈندەش
ئۈچۈندۇر. — بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنلاشقا بەجاندىل كۈچ چىقىرىمەن، قۇنچۇي ئالىيلىرى. — قۇنچۇي ئابا، خۇدا بۇيرۇسا چوك بولغاندا يانلىرىغا بېرىپ ھال سوراپ كېلىمەن، — يۈسۈپمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. — بالام، ئەل — يۇرتقا خالىس خىزمەت قىلسىلا، قارا نىيەت كاززاپلاردىن پەخەس بولسىلا، بىلىكنى، ئاۋامنى دوست تۇتسىلا، خۇداغا ئامانەت، بالام. رەيھاندىن يۈسۈپ بىلەن ئارقۇسۇچە مېڭىپ ئۇزاپ چىقتى. توققۇز — ئون كۈنلۈك بولغان ئاي خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى. — ئابا، قۇنچۇي ئابام ئېيتقان خاسىيەتلىك ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇغرا قاراخان، ئېلىكخانلارغا مەسلىھەت بېرىمدىلا؟ — سورىدى ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ كېتىۋاتقان يۈسۈپ مەلىكە ئادىرانىڭ دېگەنلىرىنى ئويلاپ. — ئەلۋەتتە، بالام. مەسلىھەت بېرىپلا قالماي، بۇ ئەنئەنىنى دەرھال جارى قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن. — ئابا. — ھە، بالام. — بۇغرا قاراخان ھەر كۈنى توقسان توققۇز مېيىپ، يېتىم، مۇساپىرلارغا تاماق بەرگەن يەردە، بىزمۇ بىرلاچ — بىرارام توققۇز كىشىگە تاماق بېرىشنى جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى قىلساق بولمامدۇ؟ — بولىدۇ، ئوغلۇم. بىز بۇ ئەنئەنىنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇپ، پادىشاھ ۋە بايلارنى ئىنسابقا ئۈندەيلى. ئاتا — بالا تەڭلا بىر — بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
ئون تۆتىنچى باب
ئون تۆرتىنچى باب: ئاسىلىق
1
تومۇز ئايلىرى ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىسسىق بولۇۋاتاتتى. چۆدەرياسىغا كەلگەن ئاخىرقى كەلگۈن كۆۋرۈكنى ئېقىتىپ كېتىپ، ئاندىن تىنچلاندى. بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان پوختا، كۆركەم كۆۋرۈك ياساش ئۈچۈن بىر تۈمەن سەر ئالتۇن پۇل چىقىم قىلىشنى بۇيرۇپ، قوزغۇردۇ ئېلىكخانى بولغان ئەھمەد تېگىنگە يارلىق چۈشۈردى. ئەھمەد ئېلىكخان بۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا باشچىلىق قىلىشنى يۇغرۇش بېشى رەيھاندىنغا تاپشۇردى.
— بىر تەرەپتىن، ئاۋامنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ دەريانىڭ يار ئېلىپ كەتكەن جايلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قىرلاش، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆۋرۈكنى تېز ياساپ پۈتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىش بېشىغا قابىل باشلامچىلارنى قويغان رەيھاندىن دۆلەت خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ باغدات خەلىپىسىنىڭ ئەلچىلىرىنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى. خەلىپە يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ بۇغرا قاراخانغا «مەلىكۇل مەشرىق» دەپ نام بېرىپ، ئالتۇن تاج، ئالتۇن ساپلىق زۇلپىقار ئەۋەتكەنىدى. بۇ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەللەرنىڭ خان، سۇلتانلىرى ئىچىدىن يۈسۈپ قادىرخاننى ئۈستۈن ئورۇندا قويغانلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى. رەيھاندىن ئوغلىغا باغدات ئەلچىسىنىڭ ئالتۇن تاچنى يۈسۈپ قادىرخانغا كىيگۈزۈپ، ئالتۇن ساپلىق قىلىچنى
سۇنۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپ: — بالام، مەملىكەت شەرقىي بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان ئوردۇكەنتكە كەتكەچى بولۇۋاتىدۇ، ئۆزاتقىلى چىقارسەن؟ — دېدى. — چىقىمەن، ئابا، — دېدى يۈسۈپ خۇشاللىق بىلەن ئۆز ئويلاپ قېلىپ سورىدى، — نېمىشقا قۇزئوردۇدا قالمايدىكەن؟ — ئوردۇكەنت قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ چوڭ پايتەختى. ئەلۋەتتە، بۇغرا قاراخان ئوردۇكەنتتە تۇرۇشى كېرەك، بالام. — قۇزئوردۇمۇ پايتەختقۇ. ئەھمەد تۇغانخان، مەنسۇرخان قاتارلىق قاراخانلار بۇ يەردە تۇرغانغۇ. — ئارى ئوغلۇم، قۇزئوردۇمۇ گۈزەل پايتەخت، ئەمما ئوردۇكەنت ئاساسلىق پايتەخت. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار مەملىكىتىنى قۇرغان ئەزىزانه شەھەر. — ھە، ئەمدى چۈشەندىم، ئاتا. مېنىڭ ئوردۇكەنتكە بارغۇم كېلىۋاتىدۇ، — يۈسۈپنىڭ كۆڭلىدە يېقىندىن تۇغۇلغان بۇ ئارزۇ رەيھاندىننىڭ ئېغىزىدا بىر ئەستەك پەيدا قىلدى. — سەل چوڭ بولغىن، ئوغلۇم. تەڭرىم نېسىپ قىلسا، سېنى ئوردۇكەنتكە ئېلىپ بېرىپ كاتتا ئۇستازلار بىلەن دىدار كۆرۈشتۈرىمەن. — تەڭرى تىلىكىڭنى بەرسۇن، ئابا، — دېدى يۈسۈپ سۆيۈنگىنىدىن سەكرەپ. يۈسۈپ قادىرخاندىن بۇرۇن مەلىكە ئادىرا يولغا چىقتى. بەگتۆمۈر، زەمىران ئانا، رەيھاندىن، يابىسرالار يەتتە چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان يۈسۈپ مەلىكىنىڭ قارىسى يىتقۇچە ئارقىسىدىن قاراپ قالدى. يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يۈسۈپ قادىرخانمۇ ئوردۇكەنتكە قاراپ يولغا چىقتى. بالاساغۇندىكى بارچە خالايىق ئون بىر چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزاتتى. يۈسۈپ باشلىق ھەممە شاگىرتلىرىنى ئېلىپ چىققان ئەبۇ
پۈتۈھ مەخدۇم «تارىخى كاشغەر» دېگەن كىتابنى يوللۇق تۇتتى: — ئەل بېشى مەلىكۇل مەشرىق بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، بۇ كىتابىمنى قوبۇل قىلغايلا، كەمىنە پېقىر ئاچقان قارىخانىنى «بۇغراخان مەدرىسىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن مۇبارەك يارلىقلىرى بىلىك ئىخلاسمەنلىرىنى غايەت خۇرسەن قىلدى. ئالىيلىرى يولغا چىققان بۇ قۇتلۇق سائەتتە، بالاساغۇن ئەھلى نامىدىن سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتىمەن. — رەھمەت، كىشى قارا. «بۇغراخان مەدرىسىسى» ئەۋلادلار ئۈچۈن شۇنداق بىر مەرىپەت باغچىسى بولۇپ قالسۇنكى، ئۇنىڭدىن بۈگۈنكىچە بىلىك، پىداكار ئالىملارنىڭ قەدىمى ھېچ ۋاقىت ئۈزۈلمەيدىغان بولسۇن. — تىلەكلىرىنى كۆڭۈل كۆكسىمىزگە مەشئەل قىلىمىز، ئالىيلىرى. ئاقىيۇللۇق بولسۇلا، — دېدى ئەبۇ پۈتۈھ مەخدۇم ئۆز قول باغلاپ تۇرغان يۈسۈپكە ئىشارەت قىلىپ قويدى. چۆرىسىگە گۈل نەقىش چېكىلگەن، سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق ئاق قەغىزىگە:
«ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر. ئەقىللىك ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۇر، بىلىملىك، ئەقىللىك تىلەككە يېتۈر.»
دېگەن مىسرالار ناھايىتى چىرايلىق يېزىلغان يادىكارنامىنى باش ئۈستىگە كۆتۈرگەن يۈسۈپ بۇغرا قاراخانغا سۇنۇپ بەردى. — ئەل بېشى ئاتا، ئېسىل لىباسنى، زەر — جاۋاھىرنى چوغلار يوللۇق تۇتتى. پېقىر پەرزەنتلىرى ئالىيلىرىغا كۆڭۈل سۆزۈمنى يوللۇق تۇتۇشنى ئەۋزەل بىلدىم، قوبۇل قىلغايلا. يۈسۈپ قادىرخان سەل ئېگىلىپ يادىكارنامىنى قولىغا ئالدى ئۆز ئىچىدە ئوقۇپ كۈلۈمسىرىدى:
يارايسەن بالام، سېنىڭ بۇ يوللۇقۇڭ ھەممە سوۋغاتلاردىن ئۈستۈن ۋە قىممەتلىك ئىكەن. نېمىشقا ئىسمىڭنى يازمىدىڭ؟ بۇ يالغۇز مېنىڭلا سوۋغام بولماستىن، سانسىز ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئارزۇ تىلىكى. ئىسىم يېزىش ھاجەتسىز، بۇغرا قاراخان ئاتا. ئوھۇي، مۇنداق دېگىن بالام، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەگىم قارا قاشلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بۇرۇنقىدەك ئوتلۇق كۆزلىرى يۈسۈپكە تىكىلدى، مەن بۇ يادىكارنامىنى يادلىۋېلىپ كۆڭلۈمدە ساقلايمەن. رەھمەت ئەل بېشى ئاتا، ئاقيوللۇق بولسىلا. سالامەت بولغىن يۈسۈپ، بىز يەنە كۆرۈشىمىز. يۈسۈپ قادىرخان بالاساغۇن ئەھلى بىلەن خوشلىشىپ مېڭىپ كەتتى. يەنە بىر ھەپتە ئۆتتى. ئاي تولۇپ كىچىكلىشىكە، تومۇز ئۆتۈپ ھاۋا سالقىنلىشىشقا باشلىدى. مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ ئۆزدى. بولۇنبەگ بۇ كۆيۈئوغلى بىلەن قىزى قۇماربىكەگە قارلۇق گۈزەللىرىدىن تاللىۋالغان قىرىق نەپەر كېنىزەكنى، قىساسكار قارلۇق يىگىتلىرىدىن تاللىۋالغان قىرىق نەپەر مەرگەننى سوغۇغا ئورنىدا يوللۇق تۇتتى. ئۇلارنىڭ مىنگەن ئاتلىرى ئۇچقۇر، كىيگەن كىيىملىرى ئېسىل ئىدى. بولۇنبەگ خوتۇن، بالىلىرى بىلەن ئون بىر چاقىرىم يەرگىچە ئۇزىتىپ باردى. قۇماربىكە ئاتىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ: بۈزرۈكۋارىم، كۆزلىرىڭنىڭ مەدىتى بىلەن قىزلىرى قارلۇق مەلىكىسى بەختىگە يەتتى. خوشال خۇرام قېلىڭلار، ھەرگىز ياش تۆكمەڭلار، دەپ خوش ئېيتتى. ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن كۆلكە لەۋەن چىرايىنى ئېچىلغان گۈلدەك يېقىملىق قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغا سەپىلىپ تۇرغان مۇھەممەد ئارسلانخان خوتۇننىڭ سۆلكەت نازاكىتىدىن زوقلانغان ھالدا
ئاتقا مىندى. بولۇنبەگ قىرىق تۆگە، قىرىق ئاتقا ئارتىلغان قىممەت باھالىق قىز مېلىنى، قىرىق نەپەر قۇل - دېدەكلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدۇردى.
رەيھاندىن ئۇلارنى ئۇزىتىشقا چىققان ئوردا ئەربابلىرى بىلەن يەتتە چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ياندى.
— بالام، زېھىن قويىدىغان بولساق، بولۇنبەگ كېرىلىپ تېرىسىگە پاتماي قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، — دېدى بەگتاش ئابدۇللا داموللا تىزگىننى بوش قويۇۋەتكەن كۆيۈئوغلىغا ياندىشىپ.
— شۇنداق، ئاتا. تۈلكىمۇ توشقاننى تۇتۇۋالسا كۆرەڭلەپ كېتىدۇ، — رەيھاندىن قېيىنئاتىسىنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئوي - پىكىرىنى بىلمەكچى بولۇپ گېپىنى ئاستىلاتتى.
— ھېچ بىلمىدىم، بۇغرا قاراخان بولغان شۇنداق ئەقىللىق زات، قاراپ تۇرۇپ ئوغلىغا بىر سۆيۈمەسچى قارا نىيەتنىڭ ھازازۇل قىزىنى ئېلىپ بەردى. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن قۇدام؟ — رەيھاندىنغا يېتىشىۋالغان ئادامتۇغرۇلمۇ كۆڭلىگە سىغدۇرالمايۋاتقان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
— پېقىرمۇ تەقدىر - ئىرادەنىڭ بۇنداق بولۇشىدىن ئۈمىدۋار ئەمەس، — دېدى رەيھاندىن خىيالچان ھالدا، — ئەسلىدە، بۇغرا قاراخاننىڭ ئوغلىغا بولۇنبەگنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداوەتنى كۆتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئىدى، ئىش ئۇنداق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ…
— توغرا دېدىڭىز، بالام، — قوشۇلدى بەگتاش ئابدۇللا داموللا ئۇھ تارتىپ، — ئىشلار بىز كۈتكەندەك بولمىدى.
كۆيۈئوغلى بىلەن قىزىنى يولغا سالغان بولۇنبەگ شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئەلى تېگىن بىلەن يولغا چىقتى. ئۇ بالىۋاقىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ ماڭغانىدى. بالاساغۇندا قالغان چوك ئوغلى بوزاغودىن ئايرىلىشقا كۆزى قىماي، خېلى يەرگە بارغۇچە ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭغا خوش ئېيتتى. لېكىن،
كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە، بۇ قېتىمقى ئايرىلىشتىن خوش ئىدى. ماۋەرائۇننەھرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خارەزم دىيارىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنتنىڭ ئېلىكخانى ئەلى تېگىننى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلالايدىغانلىقىدىن، ئوغلىنىڭ بالاساغۇندا ئەھمەد تېگىننى مايىل قىلىپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىگە ھەمدەم بولغۇزالايدىغانلىقىدىن نېمىشقا سۆيۈنمىسۇن؟
بولۇنبەگ سەمەرقەنتكە كەلگەندىن باشلاپلا ئەلى تېگىننىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، بۇرنىدىن چىقىپ، ئۆنى ئۆزى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي تۇرۇپ بىر ئىشقا تۇتۇش قىلالمايدىغان، ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ جەڭگە ئاتلىنالمايدىغان ھالغا كەلتۈردى. ئوغلى بوزاغۇ ئۆنىڭ سەرداش بۇرادىرى دوقاقبەگلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇردى.
— ئەلى تېگىن ئالىيلىرى، پاساھەت، شۇجائەت بابىدىن ئېيتقاندا، ئېلىكخان ئەمەس، بۇغرا قاراخان بولۇش ھەزرەتلىرىگە ئەڭ مۇناسىپ كېلىدۇ. ئاۋاممۇ ئۆزلىرىنى «ئەلى تېگىن سانى»① دەپ ھۆرمەت بىلەن ئاتىماقتا. ئەلۋەتتە، ئۆز ئورۇنلىرىنى ئۆزلىرى ئىگىلىمىسە، باشقىلار ھەرگىز ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ، — دېدى بولۇنبەگ قىشلىق سارايدا ئۇسسۇلچى قىزلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقان ئەلى تېگىننى قۇترۇتۇپ.
— نېمە دېدىڭىز يوغۇچى؟ — پۈتۈن دىققىتى نېپىز يىپەك كىيىملەر بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزلاردا بولغان ئەلى تېگىن سىگار يان بولۇپ، بولۇنبەگكە قۇلىقىنى يېقىن قىلدى.
— ئالىيلىرى بىلمىدىلىكىن، دۇنيادا ئەڭ ساھىبجامال قىزلار ئوردۇكەنتتىن چىقىدۇ. ئەگەر ھەزرەتلىرى بۇغرا قاراخان بولغان بولسىلا، ئوردۇكەنت قىزلىرىنىڭ ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلىنىپ زادى قېنىمايتتىلا، — بولۇنبەگ مۇددىئاسىنى
① «ئەلى تېگىن سانى» — ئەلى تېگىن ئىككىنچى دېگەنلىك بولىدۇ.
ناھايىتى ئۈستۈنلۈك بىلەن بىلدۈردى. — ھا ھا ھا،… — تەختتە يانپاشلاپ ئولتۇرغان ئەلى تېگىن قاقاھلاپ كۈلدى. — ئوردىكەنت قىزلىرى سەمەرقەنت نازىنىنلىرىدىن گۈزەلمۇ؟ — گۈزەل، گۈزەل، ئالىيلىرى. يېقىملىق ئاۋازىدىن كۆيۈپ بوزۇلۇپ، لەۋەن چېھرىدىن قىزىلگۈلنى خىجىل قىلغۇدەك ساھىبجامال. كۆرسەڭلا بىلىسىلا، شۇنداق… — كۆرگەن، — ئونىڭ گېپىنى بۆلدى ئەلى تېگىن، — تۇغقانلارنىڭ قىزلىرىنى، كوچا كويلاردىكى قىزلارنى كۆرگەن، ماڭا ئونچىۋالا چىرايلىق كۆرۈنمىگەنىدى، يۇغرۇش. بولۇنبەگ گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ ئالدىراپ دېدى: — توغرا دېدىلا ئالىيلىرى، سىلى كۆرگەن قىزلار بۇغرا قاراخانغا تارتۇق قىلىنغان ئوردىكەنت رەنا لىرىدەك گۈزەل ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئونداق ئۆز، دىلرەبا قىزلارغا بۇغرا قاراخان بولغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، — بولۇنبەگ بۇ سۆزى بىلەن ئەلى تېگىننىڭ كۆڭلىگە بىر ئوت سالدى. «بۇغرا قاراخان بولۇشۇم كېرەك. ئاكام ئەھمەد تېگىن بىلەن بىرلىشىپ، ئوردىكەنتكە يۈرۈش قىلماي قويمايمەن» دەپ ئويلىغان ئېلىكخان ئوسسۇل ئويناۋاتقان كېنىزەكلەرگە، ۋەزىر ۋۇزۇرلارغا رۇخسەت بېرىپ ئورنىدىن قوپتى. — يۇغرۇش بېشى، سىز قېلىڭ. — خوپ، خىزمەتلىرىگە تەييارمەن، ئالىيلىرى، — بولۇنبەگ تېزلاندى. يۈزلىرىدە چېچەك ئىزى قالغان شالاق ساقاللىق ئەلى تېگىن يەنە تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. — توختاپ تۇرۇڭ يۇغرۇش، ئولتۇرۇڭ. بولۇنبەگ قورقۇمسىراپ ئولتۇردى. ئەلى تېگىن سەل
ئېگىشىپ دېدى: — سىز بايا، بۇغرا قاراخان بولۇش ئالىيلىرىغا مۇناسىپ دېدىڭىز. بۇ ئېيتىش ئاسان بولغان بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان مۇشكۇلات. مەن بىلەن بىر ئانىدىن بولغان ئاكام ئەھمەد ئېلىكخان بىلەن بىرلىشىپ، يۈسۈپ قادىرخاننى تەختتىن چۈشۈرەيمىكىن دەيمەن. — دانا ئىكەنلا، ئالىيلىرى، ئەمما ئالدى بىلەن بىرلىشىدىغان ئۇ ئاكىلىرى ئەمەس، سەلجۇق ئېلىنىڭ سۇلتانى توغرۇلبەگ بىلەن مىكائىل يېنى سەلجۇقبەگ①دۇر، — يۈرۈكى ئورنىغا چۈشكەن بولۇنبەگ ئېلىكخاننىڭ ئۆزىگە مايىل بولغىنىدىن خوش بولدى. قورقۇش ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھېجايدى. — نېمە ئۈچۈن؟ — ئەلى تېگىن جاۋاب بەرمەستىن سوئال قويدى. — ئالىيلىرى، سەلجۇقىيلارنىڭ سۇلتانى بولغان توغرۇلبەگ غەزنەۋىلەرنىڭ بىرمۇنچە يېرىنى تارتىۋالدى. رۇم پادىشاھىغا زەربە بەردى. پارسلارنى قورقۇتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىدىغان بولسىلىرى، يۈسۈپ قادىرخاننى تەختتىن چۈشۈرۈپلا قالماي، ئاكىلىرى ئەھمەد ئېلىكخاننى بۇغرا قاراخان بولۇش توغرىسىدا ئېغىز ئاچالمايدىغان قىلىپ قويغىلىمۇ بولىدۇ. ئالتۇن تاج يالتىراپ تۇرغان بېشىنى ئاستا لىڭشىتقان ئەلى تېگىن بولۇنبەگنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق بىلىپ سورىدى: — سەلجۇقىيلارنىڭ ئۇ سۇلتانى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت باغلايمەن؟ — بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرسىلا، ئالىيلىرى، — بولۇنبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ تەزلەندى. — بولىدۇ، يۇغرۇش، سىزگە تاپشۇردۇم، — ئەلى تېگىن بىردەم ئويلىنىپ، بولۇنبەگكە كۆزلىرىنى تىكتى، —
① سەلجۇقبەگ — سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقىنى قۇرغۇچى، سۇلتان توغرۇلبەگ ئۇنىڭ نەۋرىسى.
سەلجۇقىيلار ئېلىگە يالۋاچ بولۇپ بېرىپ كېلىڭ. سۇلتان توغرۇلبەگ ماڭا بەش تۈمەن لەشكەر بىلەن ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولسىلا، قاراخانىيلار مەملىكىتى ئۇنىڭ ھامىيلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، بەك دانا ئىكەنلا…
بۆلۈنبەگ بۇ مەسلىھەت بولۇپ ئۈچىنچى كۈنى تۈندە، ئۆزىنىڭ چاپارمىنى چاۋاربەگنى بارسغاندىكى قىزى قۇماربىكەنىڭ يېنىغا، خاس نۆكىرى قاباننى بالاساغۇندىكى ئوغلى بوزاغۇننىڭ يېنىغا ماڭدۇردى. ئاندىن بىر ھەپتە تەييارلىق قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا - سالام بىلەن سەلجۇقىيلار ئېلىنىڭ پايتەختى رەي ① شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.
سوغۇق قىش ئۆتتى. ئىللىق كۆكلەم ئالەمگە قۇچاق يايدى. دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار كۆكىرىپ، ئالما - شاپتۇللارنىڭ چېچەكلىرى ئېچىلدى. سەمەرقەنت توي كۈنى ياسانغان قىزدەك ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. تاقىتى تاق بولغان ئەلى تېگىن بۆلۈنبەگنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. غورا ئالا بولغاندا ئېزىر قايتىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن تاج بىلەن كۈمۈش ساپلىق زۇلپىقار سەپەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنىڭ جاۋابىغا تەقەززا بولغان ئەلى تېگىن كۆكلەم تۇسىنى ئالغان باغچە سارايدا قوبۇل قىلدى.
— سۇلتان توغرۇلبەگ لەشكەر بىلەن ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولدىمۇ؟ — سورىدى ئۇ.
— سۇلتان توغرۇلبەگ بىننى مىكائىل بەگ ئالىيلىرى ناھايىتى كاتتا شاھىنشاھ ئىكەن. ئۇ مىكائىل بىننى سەلجۇقبەگنىڭ ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى كۆرەك، رەھىمسىز بولۇپ، ئالىمەن دېگەن يەرنى ئالماي قويمايدىكەن. ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك تەختىگاھى ئالدىدا مېنى تىترەك باستى…
— بەس، ئۇنىڭ شۇنداق كاتتا سۇلتانلىقىنى بىلدىم،
① رەي — ئىراننىڭ شەرقيدىكى قەدىمكى شەھەر.
يۇغرۇش. زادى ماڭا ياردەم قىلغۇسى بارمىكەن، يوقمۇ؟ مۇشۇنى سۆزلەڭ.
— ئالىيلىرى، بار ئىكەن، بار ئىكەن، — ئالدىراپ جاۋاب بەردى بولۇنبەگ، — ئەمما ناھايىتى تەستە ماقۇل كەلتۈردۈم.
— ماقۇل بولدىمۇ زادى؟
— ئۇ مەن ئۈچۈن بەش تۈمەن لەشكەر ھېچ گەپ ئەمەس. ئەلى تېگىن قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ مېنىڭ ھامىيلىقىمدا بولۇشىنى خالىسلا، ئون تۈمەن لەشكەر بىلەن ياردەم بېرىشكە تەييارمەن، دەپ بۇ ئالتۇن تاج بىلەن قىلىچنى ئالىيلىرىغا سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى.
— يۇغرۇش، سىزدىن بەك مىننەتدارمەن.
— ئالىيلىرى ئۈچۈن پېرمانبەردارمەن. سۇلتان توغرۇلبەگ ئالىيلىرىغا قايىل بولدۇم. ئۇ قورقۇمسىز باھادىر ئىكەن. پارس، ئىراق، خۇراسان ئەللىرىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئاپتۇ. غەزنەۋىيلەر پادىشاھى سۇلتان مەسئۇدنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇ مىنىپ جەڭگە كىرگەن پىلنى ئولجا ئاپتۇ. زۆرۈر تېپىلسا ئۆزى مىنىپ جەڭگە كىرىدىكەن. ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئاشۇ پىلغا مېنى مىندۈردى. دۇنيادا تەڭدىشى يوق دانا يۇغرۇش بېشى نىزامۇلمۈلك بىلەن بىللە سەير قىلدىم.
— سۇلتان مەسئۇدنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ ئوبدان قىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئاكام يۈسۈپ قادىرخان قۇدا بولۇشۇپ يېقىنلىشىپ كەتكەنىدى.
— ياخشى بولغان توخۇم ئەسلىگە كېلىمەيدۇ، ئالىيلىرى، زەربە يېگەن غەزنەۋىيلەر ئاكىلىرى يۈسۈپ قادىرخانغا قاياش بولالمايدۇ. ئەمدىكى گەپ، بىر قورساقتىن چۈشكەن ئاكىلىرى ئەھمەد ئېلىكخاننى ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلىشقا ئالدىرىتىش.
— ئالدىرىتىش؟ — ئەجەبلەنگەن ئەلى تېگىننىڭ قاشلىرى سەكرەپ كەتتى.
— ماقۇل قىلماي تۇرۇپ، قانداق ئالدىراتقىلى بولىدۇ دەپ، بۇ گېپىڭىزدىن ھەيران قېلىۋاتىمەنغۇ — ھە، ئالىيلىرى؟ دېمەكچى بولغىنىم، ئەھمەد ئېلىخان چوقۇم ماقۇل بولىدۇ. ئۇنى ماقۇل قىلىپلا قالماي، ئالدىرىتىش پايدىلىقكى، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش كېرەك؟ — قانداق قىلىپ يۇغرۇش؟ — بۇ ئىشنىمو ماڭا قويۇپ بېرىسلا، كۆڭۈلدىكىدەك ئادا قىلىمەن. — ئۇنداقتا، قۇزغۇردۇغا سىزنى ئەۋەتسەم بولغۇدەك. — ئەلۋەتتە، ئۇ كۆرەڭ ئاكىلىرىنى مەنمۇ ئۇندەككە كەلتۈرەلمەيمەن، تەدبىرىمدىن ھەيران قالىسلا. — قانداق تەدبىر ئۇ؟ — چەبلىدە ئات چاپتۇرۇش تەدبىرى. — ياخشى. قۇزغۇردۇغا بېرىپ، ئاكامنى ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن يۈرۈش قىلىشقا كۆندۈرۈڭ — دە، ھايال بولماي سەمەرقەنتكە قايتىپ كېلىڭ. — باش ئۈستىگە. ئاكىلىرىنىڭ سوۋغا — سالىمى بىلەن خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن، خاتىرجەم بولغايلا. — سىز يېنىمدا بولمىسىڭىز، قانىتى كېسىلگەن قۇشتەك تىپىرلاپ قالىدىكەنمەن، يۇغرۇش. — تېز قايتىپ كېلىپ يېنىڭلاردا بولىمەن، ئالىيلىرى. — ئەگەر مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئېشىپ مەن بۇغرا قاراخان بولسام، سىزنى سەمەرقەنتكە ئېلىكخان قىلىمەن. — مەن ھەممىدىن ئالىيلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىمەن. — ئۇنداق بولسا، يولغا چىقىش تەييارلىقىنى قىلىڭ. — باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — بولۇنبەگ كەينىچە مېڭىپ باغچە سارايىدىن قايتىپ چىقتى. ئوردا ئىچىدىكى قەسىرگە
كېلىپ خوتۇن - چۆرىلىرى، بالىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئايبانو سەمەرقەنتكە كەلگەندىن بېرى بورداپ باققان قويدەك قۇيرۇق سېلىپ سەمىرىپ كەتكەنىدى. بۇ خوتۇننىڭ رايى يېنىپ قالغان بولغاچقا خالىمايراق ئۇنىڭ بىلەن كېچىنى بىللە ئۆتكۈزدى. بوزاغو بىلەن قۇماربىكەنىڭ ئانىسى بولغان ئايبانو خېلىلا ھال تارتىپ قالغانىدى. تاشقىرىدا مۆشۈكتەك بېز پوراپ يۈرىدىغان ئەرنى ئۆيدە بولسىلا كىرگىلى تۆشۈك تاپالماي قالغان چاشقاندەك بىچارە قىلىپ قوياتتى، ھەرنە قىلىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. تۈلكىدىنمۇ قۇۋ، مەككار بولغان بولغاچقا، قىزىل گۆھەر كۆزلۈك، ئالتۇن زەنجىرلىك زىننەتنى ئايبانونىڭ ياق تۇلۇپ كەتكەن بوينىغا ئېسىپ:
- ئاغىچا خېنىم، گۈزەل رەي شەھرىدىن ئېلىپ كەلدىم. شاھىنشاھ توغرۇلبەگ ئالىملەرنىڭ دانىشمەن ۋەزىرى نىزامۇلمۈلۈك ئالاھىدە سىزگە سوۋغا قىلىپ بەردى، - دەپ يېشەم، كوت - كوت خوتۇننى پىلىكتەك يۇمىشاتتى. ئايبانو:
- رەھمەت ۋەزىر ئەزەم، سىلىنى خېلىمۇ سېغىنغانىدىم، كېلىپ مېنى سۆيۈندۈرۈۋەتتىلە، - دېدى لىغىلداپ تۇرغان كۆكسىنى يېقىپ. بىراق، ئەرنىڭ بالاساغۇنغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ:
- سىلىدىن باشقا كىشى يوقمىكەن، ۋەزىرئەزەم. قەيەرگە بۇيرۇسا بىر پارچە نانغا زار دەھشەتلىك غۇيۇلداپ كېتىۋېرىدىكەنلا. تايىنلىق قوزغۇندىكى سالپاساياق جالاپلارنى سېغىنىپ قالغان بولغىيدىلا، - دېدى پېلىنى بۇزۇپ.
- يوقسۇ خوتۇن، ئېلىكخان ئالىملەرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە زۆرۈر بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن بارماقچى بولۇۋاتىمەن، بولمىسا ئوتلۇق قۇچىقىڭىزدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇم يوق، - ئۇ خوتۇننى ئالداپ - سلاپ ئاخىرى ماقۇل قىلدى.
2
بۇلۇنبەگ بۇ قېتىم رەي شەھىرىگە بىللە بارغان نۆكەر ياساۋۇللاردىن ئىككى ھەسسە كۆپ سىپاھ بىلەن ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ يولغا چىقتى. شۇ ماڭغان پېتى بارسغانغا باردى. خوتۇنغا كۆندىن كۈنگە ھېرىس بولۇپ كېتىۋاتقان مۇھەممەد ئارسلانخان بۇ ئۆشتۇمتۇت كەلگەن قېيىنئاتىسىنى ئىززەت ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. قۇماربىكە ئاتىسىنىڭ نۇرغۇن سوۋغا سالام بىلەن كەلگىنىدىن خۇشاللانغان بولسىمۇ، مۇددىئاسىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇ جىددىي تۇستە:
— ئاتا، ئالدىراپ كەتكەندەك قىلىسەن. بۇ ئىشقا بىزنى ئارىلاشتۇرما، مېنىڭمۇ ئويلىغانلىرىم بار. ساڭا پۇتلىكاشاڭ بولمايمەن، ئەگىشىۋېرىمۇ يوق، — دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى.
بۇلۇنبەگ قىزىنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئارتۇقچە تالاش تارتىش قىلماي، ئالدىراپ بالاساغۇنغا يول ئالدى.
ھاۋا كۆندىن كۈنگە ئىسسىپ، چۇ دەرياسى ۋادىسىغا تېرىلغان بۇغداي مايسىلىرى باشاق تۇتقانىدى. ھەر تەرەپتىن كاككۇك، بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئۇ سىپاھلارغا دەريا بويىدا توختاپ تۇرۇشنى بۇيرۇپ، ئاتتىن چۈشتى، زاۋال ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى.
بۇلۇنبەگ ئوقچۇپ ئېقىۋاتقان دەرياغا كۆز سالدى. بۇ دەرياغا چۆمۈلۈپ، قىرغىقىدا ئويناپ ئۆسكەنلىكى يادىدىن كەتتى. بۇ ياشقا كەلگۈچە ئېغىر كۈنلەرگە قالماي، ھۇزۇر ھالاۋەتتە ياشاپ كەلگەندى، ئۇ بۇنىڭغا قانائەت قىلمايتتى.
كۈن پېتىپ قارا تۈن چۇ دەرياسى ۋادىسىغا چېدىرىنى يايدى. بۇلۇنبەگ سىپاھلارنى ئاتلاندۇرۇپ مېڭىپ، «قوۋۇقى سەمەرقەنت»تىن بالاساغۇن شەھىرىگە قەدەم قويدى.
«رەيھاندىنبەگ نېمە ئىشلارنى قىلىۋەتتىكىن؟ ئېلىكخاننى ئۆزىگە تارتىپ گېپىدىن چىقمايدىغان قىلىۋالدىمىكىن؟ مەيلى، قانچىلىك يۈز - ئابرۇي تاپقانلىقىدىن قەتئىينەزەر، بۇ نۆۋەت ئۇنى قاپقانغا دەسسەتمەي قويمايمەن. بوزاغو قانداق تۇردىكىن؟ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقاي…» ئۇ خىيال بىلەن ئۆز قورۇسىنىڭ بوسۇغىسى ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەي قالدى، ئاي قاراڭغۇسى ئىدى. بولۇنبەگ ئوتقاش يورۇقى چۈشكەن ئىشىكنىڭ توچ ھالقىسىنى قاقتى.
— كىم؟ — بىرسىنىڭ خىرىلداغان ئۈنى ئاڭلاندى.
— بۇ مەن، ئادابۇ، ئىشىكنى تېز ئاچ؟
زەنجىر شاراڭلىغاندا ئېچىلىنىشى بىلەن ئىشىك غىچىلداپ ئېچىلدى. چاچ - ساقاللىرى ئۈچتەك ئاقارغان بىر بوۋاي جىنچىراغنى بولۇنبەگنىڭ توپا - چاڭ باسقان يۈزىگە تۇتۇپ، ھاپىلا - شاپىلا تەزلەندى. ئۇ لاغىلداپ تىترەپ.
— يۈغرۈش بېشى جاناپلىرى بەگ غوجام، مۇبارەك قەدەملىرى قورۇيىمىزغا قۇت كەلتۈرگەي.
— ئېيتقىنىڭ كەلسۇن، بوۋاي. تۇرغۇن، ئوغلۇم ئۆيدىمۇ؟
— ئۆيدە، بەگ غوجام، — بوۋاي تەستە تۇردى.
بولۇنبەگ چاۋاربەگكە سىپاھلارنى ئارقا قورۇغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇيرۇپ، ھويلىغا ئاياغ باستى. كۈندۈزى بولغان بولسا پېشايۋاندىكى توپا - چاڭنى، تورۇسلاردىكى ساڭگىلاپ كەتكەن تورلارنى كۆرۈپ كايىغان بولاتتى. قاراڭغۇ تۈن قورۇدىكى مەينەتچىلىكنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىدى. شام - چىراغلار يېنىپ تۇرغان مېھمانخانىغا كۆز سالغان بولۇنبەگنىڭ قولىغا شوخ پەدە كېيىنگەن ئود، داپنىڭ ئۈنى كىردى. دەھدەك - خىزمەتكارلار ئىچىدىغان، يەيدىغان نەرسىلەرنى توشۇۋاتاتتى. بولۇنبەگ تەزىم قىلىپ تۇرغان ئادابۇغا قارىدى:
— بۇ نېمە گەپ؟
— ئالىيلىرى، بوزاغو غوجامنىڭ مېھمانلىرى بار.
بۇلۇنبەگ «ئوغلۇم تېگىن، چاقىرىپ كەلگەننى چاقىرغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ دەھلىزگە، ئاندىن مېھمانخانىغا كىردى. بۇرنىغا شارابنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى. يۈزى ئوچۇق بەتبەشىرە چوكانلار بىلەن شاراب ئىچىۋاتقان بوزاغو بولۇنبەگنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
— ئاتا، كەلگىنىڭنى بىلمەپتىمەن.
— بۇ نىجىس قانجۇقلارنى دەرھال يولغا سالىۋەت!
— ماقۇل، — بوزاغو چوكانلارنى تېز چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى.
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، كەينى ئۆچقان بوزاغو دېدى:
— ئەجەب تۇيۇقسىز كېلىپ قالدىڭغۇ، ئاتا؟ بۇنداق كېچىدە كېلىشىڭدىكى سەۋەبنى ئېيتىپ بېرىرسەن؟
«نېمىدىگەن قوپال مەخلۇق بۇ؟ بىر ئوغۇل بولۇپ قالدى — دە، خەير…» دەپ ئويلىغان بولۇنبەگ ھۆركىرەپ تۇرغان ئوغلىنىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزىمۇ كۆرپىگە يۆكەندى. كېلىش سەۋەبىنى يوشۇرماي ئېيتىپ بولۇپ دېدى.
— ئوغلۇم، ئەمدى گەپ ئەھمەد ئېلىكخاندا قالدى. بۇ تېگىن مەرھۇم بۇغرا قاراخان تۇغقانخاننىڭ قاراملىقى، شۆھرەتپەرەسلىكى بىلەن تۇغقانخان سانى دەپ ئاتالغان. ئۇ نام قازانسىلا شۇنىڭغا مەغرۇرلىنىپ ئۆتىدىغان ئادەم. ئېيتىقنا، سەن قانداق قارايسەن؟
— ھەي ئاتا، سەن بۇ تېگىنگە قانداق قارىساڭ مەنمۇ شۇنداق قارايمەن. بۇ تېگىن قاپاقباش، گۆل ئىكەن، كىم ماختىسا شۇنىڭ گېپىنى راست دەيدىكەن، ھازىر رەيھاندىنبەگ بىلەن يېقىنلىشىپ كەتتى. لېكىن، سەن ئۇنى ئۆزۈڭگە مايىل قىلالايسەن، سۆزدە ھەرگىز كەتكۈزۈپ قويما.
بۇلۇنبەگ كۆڭلىدە: «ئەقىل كىرىپ قاپتۇغۇ بۇ تەلۋىگە» دەپ، بوزاغونىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى.
— جېنىم بالام، سەنچۇ، تۇغقانخان سانى بىلەن يېقىنلىشىپ
كەتكەنسەن؟ — سەن مېنى بەك دۆت چاغلايسەن، ئاتا. مەن دۆت ئەمەس، سەندەكلا ئەقىللىق، سېنى دورىغانمەن. تۇغانخان سانى مېنىڭ ئالقىنىمدا. گەرچە رەيھاندىنبەگ بىلەن يېقىنلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ماڭا ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، جاندارلار ئۆمىرى مەن — دە، ئۇ بونى ئېسىدىن چىقىرالامدۇ؟! — بوزاغو شىركەپ بولغىنى ئۈچۈن راسا پۇ ئاتتى. — ئۇقتۇم بالام، ماڭا ھەممە نەرسە چۈشىنىشلىك بولدى. تۇغانخان سانىنى ئېيتىنىمغا كۆندۈرىمەن، دېگىنىمنى قىلغۇزىمەن. قاراپ تۇر، سەنمۇ كاتتا سۇباشلاردىن بولۇپ قالىسەن. ئەمما، شۇنى ئېيتىپ قوياي، زىناخورنىڭ ئۆمىرى كوتا بولىدۇ. بۇزۇق خوتۇنلارنى ئۆيگە باشلاپ كېلىۋەرمە، بولامدۇ؟ — بولىدۇ، ئاتا، بولىدۇ، ئاياللارنى باشلاپ كەلمەي. لېكىن، سەن ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتىسەنغۇ. — ئاغزىڭنى يۇم، بەتبەخت! — دېدى بولۇنبەگ ئاچچىقلىنىپ. ئۇ كېيىنكى سۆزنى قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى، — سەن ئۆيلەنمەي يۈرۈپ ئوساللىشىپ كېتىپسەن. — ئۆيلەپ قويمىساڭ، خوتۇن سېغىنمايدىمەن؟ — مەن دېگەنگە ئۇنمىساڭ، يا ئۆزۈڭ تېپىپ ئۆيلەنمىسەڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟ — مەن رەيھاندىنبەگنىڭ قىزىدىن باشقا قىزنى ئالمايمەن، ئاتا. ئۇنىڭ تۇتىنچى قىزى ياتلىق بولغىنى يوق. — ئۈچ قىزىغا كۆز تىكىپ يۈرسەنمۇ قولغا چۈشۈرەلمىدىڭ. ھەي، قانداق بولاركىن؟ — قانداق بولاركىن دېگىنىڭ نېمىسى؟ ئېلىپ بېرىسەن. ئەگەر ئۇ قىز بويۇنتاۋلىق قىلىدىكەن، بۇ نۆۋەت ئاچىلىرىدەك ساق قۇتۇلالمايدۇ، — بوزاغونىڭ شاراب تەپتىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قان قۇيۇلدى. بولۇنبەگ قىزىشىپ كېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ سەپرايىنى
ئۆرلەمەسلىك ئۈچۈن، ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۆيدىن ھويلىغا چىقتى. سىپاھىلار بىلەن تاماق يەپ، يېرىم كېچە بولغاندا ئۆزىنىڭ تاقاپ قويۇلغان ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۆندەرەپ ئويغانغاندا، كۈن چىقىپ بىر غۇلاچ كۆتۈرۈلگەنىدى. بولۇنبەگ سىپاھىلارنى كەينىگە سېلىپ، ئىلگىرى بۇغرا قاراخاننىڭ ئوردىسى بولغان ئېلىكخان سارىيىغا كەلدى. ئۆنىگدىن بۇرۇنراق كەلگەن بوزاغۇدىن بولۇنبەگنىڭ سەمەرقەنتتىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئەھمەد ئېلىكخان ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلدى.
بولۇنبەگ تەخت ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ سالام بەردى، تىنچلىق - ئامانلىق سوراپ دېدى:
— ۋاپادار، دانا ئىنىلىرى ئالىيلىرىدىن ھال سوراپ كېلىش ئۈچۈن يېقىننى ئۆتەتتى. ئېگەر - ئۆزەڭگىلىرى، يۈگەن - تارتىملىرى ئالتۇن - كۈمۈشتىن بولغان سەمەرقەنت ئارغىماقلىرىدىن توققۇزنى ئۆزلىرىنىڭ مىنىپ جەڭگاھلاردا جەۋلان قىلىشلىرى؛ خارەزمنىڭ ساھىبجامال قىزلىرىدىن توققۇزنى خىزمەتلىرىدە بولۇشى؛ توققۇز تۆگىگە ئارتىلغان ئەنجان بەقەسەمى، بۇخارا ئەتلىسىنى خانىش - كېنىزەكلىرىنىڭ تىكتۈرۈپ كىيىشى؛ ئۈچ يېرىگە گۆھەر كۆز قويۇلغان ئالتۇن كەمەرنى شاھانە تون ئۈستىدىن باغلاپ دەۋران سۈرۈشلىرى ئۈچۈن ھەزرەتلىرىگە تارتۇق قىلىپ ئەۋەتتى، ئاز كۆرمەي قوبۇل قىلغايلا.
— قوبۇل قىلدىم. ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ يوغۇچۇش. قەدىردان ئىنىم ۋە ئۆنىڭ بالىچاقىلىرى ئوبدان تۇرۇۋاتقاندۇ؟ مۇشۇ دەم ئۇلارنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ، — دېدى سوۋغاتلاردىن مەمنۇن بولغان تۇغانخان سانى.
— ئاللاتائالانىڭ پاناھىدا، ئالىيلىرىنىڭ دۇئالىرى بەرىكىتىدە ئامان - ئېسەن، ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ، — ئۇ توغانخان سانىنىڭ ئوڭ - سول تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان شەيخۇلىسلام، ئەمىر -
ئەركانلارغا تەئەززۇ بىلەن ئېگىلدى، ئەلى تېگىن ئالىيلىرى رەيھاندىنبەگ باشلىق ۋەزىر ۋۇزەرالارغا بىردىن ئات ۋە توننى ئىچىگە ئالغان خىلئەت ئەۋەتتى، قوبۇل قىلىشقايلا.
ئەلى تېگىن ئالىيلىرىغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن، دېيىشتى ۋەزىر ۋۇزەرالار ئورۇنلىرىدىن دۆرىدە تۇرۇپ. مۇشۇ تاپتا بولۇنبەگنىڭ ئابرۇيى كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى.
رەيھاندىن بۇ ۋەزىرنىڭ سەمەرقەنتتىن بالاساغۇنغا بېكار كەلمىگىنىنى، ئۇ سارايغا كىرگەندىلا نېمىشقىدۇر كۆزلىرىنى ئۆزىدىن قاچۇرغانلىقىغا قاراپلا بىلگەنىدى. شۇنچە كۆپ ۋە ئېسىل سوۋغاتلارنىڭمۇ غەرەزسىز ئەمەسلىكى ئۇنىڭ بۇ گۇمانىنى تەستىقلايتتى. رەيھاندىننىڭ كۆڭلىدە شۇ ھامان بىر پىلان تۈزۈلدى.
ئىنىسى ئەلى تېگىن ئېلىكخاندىن مىننەتدار بولغان ئەھمەد توغانخان سانى:
جاناپلار، سەمەرقەنت ئېلىكخانى قەدىردان ئىنىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، يۇغرۇش باشى بولۇنبەگنىڭ مۇبارەك قەدىمىنى قۇتلۇقلاپ بەگ تەر كىسنى ئۆتكۈزمەكچىمەن، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر، دېدى تەختتە گىدىيىپ ئولتۇرغىنىچە، ئۇ ئوڭ يېنىدىن تۆتىنچى ئورۇندا ئولتۇرغان ئاغىچى ئۇلۇغىغا كۆز تىكتى، كەنچ لىيۇ① تەييارلانسۇن، ئالاھىدە ئىشكۈم② قويۇلسۇن، بوغۇز③ خىلمۇخىل بولسۇن، فۇقا، مەيزاپ، مۇسەللەس، بوزا كۆپ كەلتۈرۈلسۇن. قىمىز، جۇلاپ، شەربەت ئۈكسۈپ قالمىسۇن. تاي، بوتىلاق، موزايلار سويۇلۇپ پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىنسۇن، تۇتغۇچ مول بولسۇن. بەگ تەر كىسدىن كېيىن چىش كىراسى④ بېرىلسۇن!
① كەنچ لىيۇ ئوتتۇز گەز ئېگىزلىكتە مۇنار شەكىلدە راسلانغان داستىخان. ② ئىشكۈم پۇتسىز ئۈستەل. ③ بوغۇز تاماق. ④ چىش كىراسى زىياپەتتىن كېيىن بېرىلىدىغان ھەدىيە، سوۋغات.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — ئاغچى ئۆلۈغى ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى. — ئەمدى بەگ تەرىكىسى باشلانغىچە ئارام ئېلىڭلار! — ئېلىكخان ئالىيلىرىغا رەھمەت، — دۆرىدە قوپقان ۋەزىر - ۋوزۇرلار سارايدىن چىقىشقا باشلىدى. — سىز قېلىڭ، يۇغرۇش بېشى. خىيال بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان رەيھاندىن توختاپ قالدى. — خىزمەتلىرىگە تەييارمەن، ئالىيلىرى. — بولۇنبەگ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا رايىڭىز باردۇ؟ — ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى. بولۇنبەگ تۇغاندىن سانىنىڭ رەيھاندىننى ئېلىپ قالغىنىدىن كۆڭلى غەش بولسىمۇ، چاندۇرماي باش لىگىشتىپ ھىجايدى. تۇغانخان سانى ئۇلارنى باشلاپ سارايغا يانداش سېلىنغان ئىستىراھەت ئۆيىگە چىقتى. — بەگ تەرىكىسى باشلانغىچە بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى، — دېدى ئۇ بىر پايلىق تەخت ئۈستىدىكى پەي ياستۇققا يۆلىنىپ، ئاندىن تېخىچە ئۆرە تۇرۇشقان رەيھاندىن بىلەن بولۇنبەگنى كىمخاب يېكەندازدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. رەيھاندىن بولۇنبەگنىڭ ئۇغرى كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ زوۋان سۈرمەي بوغۇنۇپ ئولتۇرغىنىدىن ئۆزىدىن قورۇنۇپ قالغانلىقىغا جەزم قىلدى. «سەلجۇقىيلار پايتەختىگە بېرىپ كېلىپلا، ئالدىراپ - تېنەپ قوزغۇلاڭغا كېلىشى ھەرگىز ھال سوراش ئۈچۈن ئەمەس. ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىش كېرەك» دەپ ئويلىدى رەيھاندىن سىنچى كۆزلىرى بىلەن ئۇنى كۆزىتىپ. ئۇ سەمەرقەنتتىكى ئادەملىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن بولۇنبەگنىڭ سۇلتان توغرۇلبەگ ئالدىغا كەتكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلگەنىدى. — بولۇنبەگ جاناپلىرى، سەمەرقەنت ھاۋاسى ئۆزلىرىگە
ياققاندەك قىلىدۇ، سەمىرىپ قاپتىلا، دەپ گەپ تەشتى رەيھانىدىن، سۆزلەپ بەرسىلە، شەرق تەرەپتىكى بۇ سەلەتنەتلىك شەھەر قانداق ئىكەن؟ ئەلى تېگىن ھەزرەتلىرىنىڭ مۇبارەك كۆڭلىرى خوشۋاق، خوش كۆڭۈل ئۆتۈۋاتقاندۇ؟
ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە، جانابلىرى. سەمەرقەنتكە مېنىڭ تۇنجى قېتىم بېرىشىم بولغاچقا، بۇ شەھەر ماڭا ناھايىتى كۆركەم، ئاۋات كۆرۈندى. نەچچە قېتىم بېرىپ راھەت پاراغەتنى كۆرگەن ھەربىيلىرىگە نىسبەتەن تەسىراتىم مۇكەممەل ئەمەس. ئەلى تېگىن ئالىيلىرى ئەل غېمى بىلەن بەند، يېقىن تېخىمۇ شۇنداق. ئوردۇكەنتتىن خەۋەر كېلىپ تۇرغاندۇ؟
بولۇنبەگنىڭ بۇ سوئالى ئۆزىگە قارىتىلغانلىقىنى سەزگەن رەيھانىدىن دەررۇ جاۋاب بەردى:
ئوردۇكەنتتىن خەۋەر كېلەمدۇ كەلمەمدۇ، بىزگە نېمە پايدىسى بار دەيدىلا، خەۋەر كەلسە ئولپان سېلىق تۆلەشنى تەلەپ قىلغان يارلىق كېلىدۇ، شۇ. كەلمىگىندىن كەلمىگىنى بىز ئۈچۈن پايدىلىق، بۇرادەر.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان بولۇنبەگنىڭ ئاغزى بىلەن تەڭ كۆزلىرىمۇ يۇغان ئېچىلدى ۋە رەيھانىدىننىڭ خۇشخۇي چېھرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
جانابلىرى، ئوردۇكەنتنىڭ يامان گېپىنى قىلمايتتىلە. ئەجەبكى، بىزار بولۇۋاتقاندەك سۆزلەپ قالدىلغۇ.
جانابلىرى، ئاقىل كىشى ئەتمىگەن بىلىمسىزلىكنى چۈشتە، چۈشتە بىلىمسىزلىكنى كەچتە بىلىپ ئېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇرۇن بىلىمسىزلىرىم كۆپ ئىكەن، بىلگىنىسبىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ئىشلىرىم ئۈچۈن پۇشايمان يەپ قىلىۋاتىمەن. ھەي قويسىلا، شۇ ئىشلارنى ئەسكە ئېلىشنىمۇ خالىمايمەن. ئەھمەد تۇغاندىن سانى ئالىيلىرىنىڭ سايىسىدا كۈنۈم كۆپ ياخشى، ئەلىنىڭ كۈنىمۇ ئوبدان ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ كۈنگە قەدەر قوزغۇردۇننىڭ باش پايتەخت بولمىغىنىغا ئەپسۇسلىنىمەن.
بۇ گەپتىن بىر بېشارەت سەزگەن بولۇنبەگنىڭ گۇلقەھەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. «رەيھاندىنبەگنىڭ قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوردۇكەنتكە ئېلىپ كېتىپ يۇغروش بېشى قىلمىغىنىدىن خاپا بولغان بولۇشى ئېھتىمال…» دەپ ئويلاپ ئېغىز ئاچتى:
— ئەمدى ئەقىللىرىنى تېپىپلا، بۇرادەر. راست دېدىلە، دانا ئادەم خاتاسىنى تونۇپ تۈزىتىدۇ… — بولۇنبەگ بىردىن سۆزىنى توختىتىۋالدى. ئۇ گەپكە سېما بولۇپ كېتىپ ئولتۇرغان تۇغانخان سانىغا قارىدى. چىرايى ئىنسىغا ئوخشاش ئاق سېرىق، يالكۆز بۇ ئادەم ئىپادىسىز نەزىرى بىلەن گاھ رەيھاندىنبەگكە، گاھ بولۇنبەگكە قاراپ قويۇپ، خاس مەھرەم سۇنۇپ بەرگەن جامدىكى شارابنى ئىچەتتى. «ياق، رەيھاندىن مەندىن گەپ ئالماقچى، كېيىن مەنسۇرخاننى ئوتقا قويغاندەك، مېنىمۇ ئوتقا قويماقچى…» دەپ ئويلىغان بولۇنبەگ رەيھاندىنبەگنىڭ ئالدىدا مۇددەتتىن ئېغىز ئاچماسلىق قارارىغا كېلىپ جىم بولۇۋالدى.
— ئەگەر قۇزئوردۇ پايتەخت بولسا، ئاكام يۈسۈپ قادىرخان تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرالمايتتى، شۇڭا ئوردۇكەنتكە كەتتى. ئەگەر مەن بۇغرا قاراخان بولسام، ھەرگىز ئوردۇكەنتنى پايتەخت قىلمايتتىم. قۇزئوردۇنى پايتەخت، رەيھاندىنبەگنى يۇغروش بېشى قىلىپ دەۋران سۈرگەن بولاتتىم، ھا ھا ھا… — دەپ كۈلدى تۇغانخان سانى كۆڭلىدىكى مۇددىئاسىنى ئۇچۇقلا ئېيتىپ.
بولۇنبەگ «ئەمدى نېمە دەيسەنكىن؟» دېگەندەك رەيھاندىنبەگكە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى.
— ئالىيلىرى، كۆڭۈللىرىدىكى گەپنى قىلىپ بىزگە بېشارەت بەردىلە. ئۆزلىرى بۇغرا قاراخان بولسىلا، ئىشلار باشقىچە بولىدۇ، ئەلۋەتتە، — رەيھاندىنمۇ «ئىچىمدىكىنى بىلمەيدۇ دېمە، بىلمەن. ئەمما، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن دېگىنىڭ باشقا گەپ» دېگەن مەنىدە بولۇنبەگكە تىكىلدى.
بولۇنبەگ يەنە زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ دىلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سۆزنى چىقىرىشتىن يەنىلا ئېھتىيات قىلىۋاتاتتى. بۇنى تۇغخانخان سانى تېخى سەزمىگەنىدى. قاپۇقچى بېشى كىرىپ بەگ تەرەكسىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى.
پادىشاھ تەكلىپخانىنىڭ زىياپەت زالىدا تۇغخانخان سانىنىڭ سول بېقىنىدا ئولتۇرغان بولۇنبەگ ئۈزۈرە ئېيتىپ شارابتىن كۆپ ئىچمىدى، تۇغخانخان سانى تۇتقان قەدەھتىنلا ئىچتى. ئۇنىڭ بېقىنىدا ئولتۇرغان رەيھاندىن شاراب ئورنىغا ئانار شەربىتى ئىچىپ ئولتۇردى. بولۇنبەگ بوشىغان قەدەھكە شاراب قويۇپ رەيھاندىنغا تۇتتى.
— قەدەردان بۇرادىرىم، ئېبلىكخان ئالىيلىرى ئېچىپ پەيزى قىلىۋاتقان يەردە، سىلى نېمىشقا ئىچمەيدىلا. دوستلۇقىمىز ئۈچۈن بۇ بىر قەدەھنى كۆتۈرۈۋەتكەيلا.
— رەھمەت جاناپلىرى، پېقىرنىڭ ئىچمەيدىغانلىقى ئېبلىكخان ئالىيلىرىغىمۇ مەلۇم. مەن ئەزەلدىن شاراب ئىچمەيمەن، ئەپۇ قىلسىلا، — رەيھاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ رەت قىلدى.
بولۇنبەگ ئوزارتقان قەدەھنى ياندۇرۇۋالالماي زورلىدى:
— ئېبلىكخان ئالىيلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ ئىچمەيلا؟
— بولۇنبەگ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يامان يەردىن قىستىدى. تۇغخانخان سانى رەيھاندىنغا قادالدى، ھەممە ئەمىر-ئەركانلار ئۇنىڭغا تىكىلدى.
— ئىچمەيمەن، شارابنى يېڭى قەدەھكە قويۇپ بەرمەيلا، — دېدى رەيھاندىن ئەپتىنى بۇزماي.
ئىدىشچى بېشى يېڭى كۈمۈش جامنى كەلتۈرۈپ بولۇنبەگكە بەردى. ئۇ لىقمۇلىق شاراب قويۇپ رەيھاندىنغا ئوزارتتى.
— مەرھەمەت!
رەيھاندىن قولىغا ئالغان قەدەھنى بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى.
بۇ ۋاقىتقا قەدەر ھەرقانداق سورۇندا رەيھانەنىڭ شاراب ئىچكىنىنى كۆرمىگەن تۇغانخان سانى ئونىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرگىنىدىن غايەت خۇرسەن بولدى. ناۋادا ئۇ ئىچمىگەن بولسا كۆڭلىگە شەك چۈشكەن بولاتتى.
ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، تۇغانخان سانى رەيھانەنى خاس قەسىرگە چاقىرتتى. ئۇ كىرىشكە:
— يۇغرۇش بېشى، سىز ناھايىتى دانا ئىكەنسىز. سارايدا بولۇنبەگ بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى دېگەن گەپىڭىز يادىڭىزدا بارمۇ؟ — دەپ سورىدى.
رەيھانە بۇ سوئالنىڭ تېگىدە گەپ بارلىقىنى سەزدى.
— شۇنداق، ئالىيلىرى، ئېسىمدە.
— ئاشۇ ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.
— قاچان، قانداقسىگە، ئالىيلىرى؟ — جىددىي سورىدى رەيھانە قىزىققان بولۇپ.
— بولۇنبەگ شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. مېنى بۇغرا قاراخانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىپتۇ، — تۇغانخان سانى ئۆزىگە بولۇنبەگ دېگەن مەخپىيەتنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى.
— ئىنىم مېنى بۇغرا قاراخان قىلىش ئۈچۈن بولۇنبەگنى سەلجۇقىيلار سۇلتانى توغرۇلبەگنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇ ئون تۈمەن لەشكەر بىلەن يۈرۈش قىلىشىمىزغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ. بۇ يۈرۈشكە مەن ئۈچ تۈمەن، ئىنىم بەش تۈمەن لەشكەر قاتناشتۇرىدىكەنمىز.
— قەيەرگە يۈرۈش قىلىدىكەنمىز، ئالىيلىرى؟ — سورىدى رەيھانە.
— ئوردۇكەنتكە.
— ئەگەر بولۇنبەگنىڭ ئېيتقانلىرى راستلا بولسا، ئارزۇيىمىزنىڭ يەردە قالىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمەن ئالىيلىرى.
لېكىن… — بولۇنبەگنىڭ ئېيتقانلىرى راست، — رەيھاننىڭ سۆزىنى بۆلدى تۇغانخان سانى، — ئۇ ماڭا قەسەم ئىچىپ بەردى، ناھايىتى مەخپىي تۇتۇشۇمنى تاپىلىدى. — ئىشەندىم ئالىيلىرى، ئوردۇكەنتكە قاچان يۈرۈش قىلىدىكىنمىز؟ — باش كۈزدە. ئۇنىڭغىچە پۇختا تەييارلىق قىلىدىكىنمىز. ئاكام يۈسۈپ قادىرخاننى تەختتىن چۈشۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، يۈگرۈش بېشى. — ياخشى مەسلىھەت بوپتۇ، ئالىيلىرى، تەييارلىق قانچە پۇختا بولسا، غەلىبە شۇنچە ئاسان قولغا كېلىدۇ. بولۇنبەگنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى يوق ئوخشىمامدۇ، ئالىيلىرى؟ — نېمىشقا يوق بولسۇن؟ سىز مېنىڭ يۈغرۈش بېشىم تۇرسىز. ئەتە كېچە مۇشۇنداق ۋاقىتتا مېنىڭ قەسرىمدە يۈرۈش قىلىش پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىمىز. — بۇ خاسىيەتلىك ئىشقا قاتنىشىدىغانلىقىمدىن خوشالمەن، ئالىيلىرى. رەيھان ئەتە كېچىسى شۇ ۋاقىتتا كېلىپ پىلان تۈزۈشكە قاتناشتى. تۈن تەك بولغاندا تۇغانخان سانىنىڭ قەسرىدىن چىقتى. بالاساغۇن ئاسمىنىنى بۇلۇت قاپلىغانىدى. ئۇ كۈتۈپ تۇرغان يارۇقنىڭ قولىدىكى تىزگىننى ئېلىپ ئاتقا مىندى — دە، چاپتى. ئۇ بالاساغۇن كوچىلىرىدا ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ئات چاپتۇرۇپ باقمىغانىدى، ئارغىماق قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى. ئۇنى ئىشىك ئالدىدا ئۇتۇقاش كۆتۈرۈۋالغان يۈسۈپ كۈتۈۋالدى. — ئاتا، كېچىكتىڭغۇ؟ ئاپام ئەنسىرەپ ئۆلتۈرىدۇ! — ئىش چىقىپ قالدى، بالام، — دېدى رەيھان ئوغلىنىڭ ئۆسكىلەك بويىغا زوق بىلەن قاراپ. رەيھان ھويلىغا كىرىپ ئالدىغا كەلگەن يابراغا تون،
سەللىسىنى بەردى، يۈز - قولىنى يۇيۇپ، لۆڭگىنى بەرگەن يۈسۈپكە تاپشۇردى:
— ئادار بىلەن يارۇق تامااقلىرىنى يەپلا ئالدىمغا كەلسۇن، ئېيتىپ قوي. ئاندىن ھۇجرامغا قەلەم، قەغەز، سىياھ ئەكىرىپ بەرگىن.
— خوب، ئاتا! — يۈسۈپ ئاۋۋال ئاتىسىنىڭ دېگەنلىرىنى ئەكىرىپ بېرىپ، ئادارلارنىڭ باغ ئىچىدىكى ئۆيىگە كەتتى.
رەيھاندىن يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندىمۇ ئۇخلىمىساڭ ئاغرىپ قالمامسەن؟ — دەپ كايىدى، يۈسۈپ فارابىنىڭ «ئەقىل توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى يېپىپ قويۇققا ئېلىپ قويدى.
— بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىدا يېتىپ ئۇخلايمەن. بۈگۈن ئوقۇشقا قىزىقىپ كېتىپ ۋاقىت ئۆتكەننى بىلمەي قاپتىمەن. ئابا، خاپا بولمىغىن، — يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدى.
— ئادار، يارۇقلار كەلدىمۇ، بالام؟
— كەلگىلى نەۋاقىت. جەڭگە بارىدىغاندەك دۇبۇلغا - ساۋۇتلىرىنى كىيىپ، قىلىچ، ساداقلىرىنى ئېسىپ ئاتلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇشۇپتۇ. ئابا، قارا ئەنە؟ يۈسۈپ قىيا ئوچۇق دەرىزىدىن كۆل بويىدا تۇرۇشقان يىگىتلەرنى كۆرسەتتى.
رەيھاندىن سەپەرگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان يىگىتلەرگە قاراپ، خەتنى تۈگىتىپ ھويلىغا چىقتى.
— بالىلىرىم، تەييارلىنىپ كەلدىڭلارمۇ؟ — ئاشۇ كۈنى ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ، تەييارلىنىپ تۇرغىنىمىزغا بىر ھەپتە بولدى، ئاتا، — جاۋاب بەردى ئادار. — ئانداق بولسا، يەنە ئۆيۈڭلارغا بېرىپ جەڭ لىباسىنى سېلىۋېتىپ تارىقچىبەگ①دەك كىيىۋېلىڭلار. خورازنىڭ بىرىنچى چىللىشى بىلەن تەڭ يولغا چىقىڭلار، بىر كىم كۆرۈپ قالمىسۇن، يولغا چىقىپ تۆتىنچى كۈنى ساۋۇت — دۇبۇلغىنى كىيىۋېلىڭلار. پەخەس بولۇڭلار، تۇتۇلۇپ قالماڭلار. بۇ مەكتۇپنى بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان ئالىيلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئوردىدەك يەردە ئۇزاق تۇرۇپ قالماي تېزىرەك قايتىپ كېلىڭلار. خەير، خۇداغا ئامانەت بالىلىرىم، — رەيھاندىن ئادار، يارۇق بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. يۈسۈپمۇ خوش ئېيتتى. — يەنە ئۆيگە چىققان ئوخشىمامدۇ، ئابا؟ — يۈسۈپ ئادار، يارۇقلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان ئاتىسىنىڭ يېڭىدىن تارتتى. — شۇنداق، بالام، تۈلكىلەر يەنە قۇيرۇق كۆتۈرۈشتى. — پادىشاھنىڭ نىيىتى بۇزۇلسا، ئەلنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلىدۇ، ئابا. — نىيىتى بۇزۇلغان ئىككى ئېلىكخان، يۈسۈپ قادىرخان ئەمەس، بالام. — ئۇلارغا بىرسى يول كۆرسەتكەندۇ، ھەرجاھان. — كىم بولاتتى دەيسەن، ئوغلۇم، بۆرىنىڭ ئالدىدىكى گۆشنى تارتىۋالماقچى بولغان قېرى تۈلكە. — بولۇنبەگ ئىكەن — دە، ئۇ قۇيرۇقىدىن ئىلىنماي قالمايدۇ، ئابا، — دېدى يۈسۈپ ئىشەنچ بىلەن. — ئېيتقىنىڭ كەلسۇن، بالام، — دېدى رەيھاندىن خورسىنىپ.
① تارىقچىبەگ — تېرىقچىلار غوجايىنى، باي دېھقان.
3
ئەبو پۇتۇھ مەخدۇم ئۆيىدە ئاچقان، كېيىن مەسچىتكە كۆچۈرۈپ كېڭەيتىلگەن قارىخانىنىڭ ئورنىدا ئېلىكىدىسكى كاتتا مەدرىسە بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلىسا، يۈسۈپ ۋە ئونىڭ ئاتىسىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولاتتى. ئۇ زېرىك بالا شاگىرتىنىڭ بۇغرا قاراخانغا ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويغانلىقىنى ئاڭلىغان شۇ كۈنى ئونى چىڭ قۇچاقلاپ پېشانىسىگە سۆيۈپ رەھمەت ئېيتقانىدى. بۇ ئەللامە قارىخاننى مەدرىسە قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى بۇغرا قاراخاننىڭ يارلىقىنى كۆرگەن چاغدىمۇ، مەدرىسە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلگەن بەش مىڭ سەر كۈمۈش بىلەن رەيھاندىن ئىئانە قىلىنغان ئىككى مىڭ سەر كۈمۈشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، دەرسخانا، ھۇجرا - ئۆيلەرگە ئۇل قويۇلغان چاغدىمۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىغانىدى. يۈسۈپتەك ھوشيار، پاراسەتلىك، جۈرئەتلىك شاگىرتىنىڭ بولغانلىقىدىن، ئونىڭ كەلگۈسىدە ۋەتەن، خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئونىڭغا بىلىم ئۆگىتىش، ئالەمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بارلىق زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلاتتى.
ئاقبىرا بوي تارتىپ سېرىق كۆچەتتەك زىلۋالىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ شوخ كۈلكىسى، ناخشا - ئۇسسۇلى بىلەن چارچىغان ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىراتتى. ئولارنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇ يېزىق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولۇپ، قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىۋاتاتتى، ئەرەبچە تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋاتاتتى، قىزلارنى ئوقۇتۇۋاتقان ئانىسىنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى ئىدى. ئۇ كىر - قاتلارنى يۇيۇشقا، تاماق ئېتىشكە ياردەملىشەتتى.
378
ئارىلاپ «بېگىيۈسۈپ نېمىشقا ئاكام بولۇپ قالمىغاندۇ؟» دەپ ئارمان قىلاتتى. سەۋەبى كۆڭلىدىكى بۇ ئارزۇسى ئۇنى يۈسۈپكە تەلپۈندۈرەتتى. ئاقىبەت كىچىك چاغلاردىكىدەك، يۈسۈپ كەلگەندە يېنىغا بېرىۋالماي بىر چەتتە ئولتۇرۇپ، سوغۇقچە، ئۇيغۇرچە قەدىمكى يېزىقتا خەت يېزىشنى مەشىق قىلغاچ ياكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ سۈرىلىرىنى يادلىغاچ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا يۈسۈپكە قاراپ قوياتتى. بىر - ئىككى يىلدىن بېرى ئېگىزدە پەيدا بولغان بالىلارچە ساددا خىيال، تارتىنىش، ئىزا تارتىش تۇيغۇسى ئۇنى يۈسۈپكە تېخىمۇ چىرايلىق، نازاكەتلىك، ئوماق كۆرسىتەتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ھايانىڭ كۆرۈنمەس نېپىز پەردىسى تارتىلغانىدى.
ئەبو يۈسۈف مەخدۇمنىڭ يۈسۈپنى ئوغۇل قىلىۋېلىش ئارزۇسى كۈنسېرى كۈچىيىپ باراتتى. بۇ ئارزۇ خوتۇنى بىلەن ئىككىسىگە ئورتاق ئىدى.
يۈسۈپ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دىن خەتمىگە ئۆتكەنىدى. كۈن ئارلاپ ئەدەبىيات، تارىخ، ھېساب، ئىلمى نۇجۇم، پەلسەپە پەنلىرىدىنمۇ دەرس ئالاتتى. زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، چېچەنلىكى، ناتىقلىقى بىلەن ئۇستازىنى ھەمىشە خوش قىلاتتى.
ئاتىسىمۇ يۈسۈپتىن رازى ئىدى. كىچىكلىكىگە باقماي مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغانلىقى، توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدىغانلىقى، سەمىمىي سىردىشالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئوردىدا بولغان ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا قالدۇرماي سۆزلەپ بېرەتتى، مەملىكەت ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەردار قىلىپ تۇراتتى. بۇ ھال يۈسۈپنىڭ جەمئىيەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىشلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرماقتا ئىدى. بولۇپمۇ بالاساغۇنغا كېلىپ كەتكەندىن كېيىن، رەيھاندىن بۇ زېرەك ئوغلىغا:
— بالام، ئاللا ئادەملەرنى پادىشاھتىن تارتىپ پۇقراغىچە
بىر - بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياراتقان، زىيان يەتكۈزۈش، زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ياراتقان ئەمەس. ۋاھالەنكى، بۇنى چۈشەنمىگەن، چۈشىنىشنى خالىمىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قارا نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەلنى قان دەرياسىغا غەرق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىر قارا قويۇن كۆتۈرۈلىدىغاندەك تۇرىدۇ، بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمەن، ئوغلۇم، — دېدى بولۇنبەگنىڭ سوغۇققانلىق ھەرىكەتلىرىنى باشتىن - ئاخىر سۆزلەپ بېرىپ.
— ئاتا، ئانداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دېگەندەك، ئۇنىڭ ھىيلە - مىكىرلىك سويىقەستىنى ئەپچىل چارە - تەدبىر بىلەن بىتچىت قىلىش كېرەك، — بولۇنبەگدىن نەپرەتلەنگەن يۈسۈپ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. غەزەپتىن قاپىقى تۈرۈلدى.
— بولۇنبەگكە، ئاكا - ئۇكا ئېلىكخانلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارە - تەدبىرلىرى تۈزۈكلۈك، بالام. ئەڭ مۇھىمى، بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئۇلار ئۈستىگە جازا يۈرۈشى قىلىش ئۈچۈن ئوردىدىن ئاتلىنىپ چىقىشى. ئادار، يارۇقلار تېزرەك كەلسە بولاتتى، كەتكىنىگە بىر ئايدىن ئاشتى.
ئاتىسىنىڭ بۇ گېپىدىن ئۇنىڭ تاقەتسىزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەن يۈسۈپ تەسەللى بەردى:
— كېلىدۇ، ئاتا، خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ قەدىمى ئاستا، ئەمما ئىشەنچلىك، ئاقىۋىتى غەلىبە! قارا نىيەتنىڭ قەدىمى تېز، بىراق ئىشەنچسىز، ئاقىۋىتى مەغلۇبىيەت بولىدۇ. بېتاقەت بولمىغايلا…
بۇ گەپ بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، كۆكتە يۇلتۇز كۆرۈنگەن مەھەلدە يارۇق بىلەن ئادار تۇيۇقسىز ھويلىغا كىرىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئېيتقاندەك ئۇلار خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كىشىگە جاسارەت، ئۈمىد بېغىشلايدىغان خەيرلىك خەۋەر ئېلىپ كەلمىگەندى. رەيھاندىن ئادار بەرگەن
مەكتۇپنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، بوسە قىلىپ ئاندىن ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ھۆرمەتلىك، ساداقەتمەن يۇغرۇش بېشى رەيھاندىنبەگ جانابلىرى، مەكتۇپىڭىزنى تاپشۇرۇۋېلىپ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. ئەلگە ۋە ئۆز بېشىمغا كېلىۋاتقان بالا - قازادىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن ئاللا رەھمەت قىلسۇن!
ھاسىلىكالام سۆزىمىز شۇكى، تېخى يېقىنقى مەزگىللەردە، ئىتتىپاق ۋە ئۆزئارا بويۇنتاللىق قىلىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەرنى ئەدەپلەپ، ئەلنى ئەمىن تاپتۇرۇپ، ئىككى ئېلىمىزنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈيدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەي بىخۇدلۇشۇپ قالغانىكەنمەن. مەكتۇپىڭىزنى ئوقۇپ سەگەكلەشتىم. ئۆسمۈر ئوغلىڭىز بەگىيۈسۈپنىڭ بالىلارچە سەمىمىي، ئەلگە قۇت بەخش ئېتگۈچى تىلىپى بىلەن ئاسقۇغا ئېلىپ قويغان قىلىچىمنى قولۇمغا ئالدىم، خالاپ ئەمەس، مەجبۇر بولۇپ شۇنداق قىلغىنىمنى ئوغلىڭىزغا چۈشەندۈرۈپ قويغايسىز. ئەلھال، ئىككى ئېلىمىزنىڭ سوغۇقچىلىق توپلۇقىغا، سەلجۇقىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش يۈزىسىدىن قېرىندىشىمىز غەزنەۋىلەر شاھى سۇلتان مەھمۇدخان بىلەن بىرلىشىپ، جازا يۈرۈشى قىلىش كويىدا جىددىي تەييارلىنىۋاتىمەن. زىنھار ئوردىدىن يىراقلاشقۇچى بولماڭ. ئاسىيلارنىڭ سوغۇقچىلىق ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغايسىز. ئاللا سىزگە مەدەتكار بولسۇن.
مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان بۇغرا قاراخان.
ھىجرىيە 416 - يىلى ماهى مۇھەررەمنىڭ 11 - كۈنى ئوردۇكەنت».
رەيھاندىن مەكتۇپنى ئوقۇغۇسى كېلىپ بويۇنداپ تۇرغان يۈسۈپكە بەردى.
— بۇغرا قاراخان مەكتۇپتا سېنى ئالاھىدە تىلغا ئاپتۇ، ئوغلۇم، — دېدى ئۇ ئىپتىخارلانغان ھالدا.
يۈسۈپ مەكتۇپقا تېز — تېز كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ دېدى:
— مەلىكۇل مەشرىق مېنىڭ تېلىپىمنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، ئابا. ھەقىقەتەن خەلقپەرۋەر پادىشاھ ئىكەن. مەن چۈشەندىم، بەزى ھالدا ئەلگە ئەمنلىك بېخىش ئېتىش ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرمىسە بولمايدىكەن، بىخۇدۇق بالا — قازاغا يول ئېچىپ بېرىدىكەن.
— يارايسەن بالام، توغرا دېدىڭ، — رەيھاندىن يان تەرەپتىن يۈسۈپنىڭ بېشىنى باغرىغا تېڭىپ، يارۇق بىلەن ئادارغا قارىدى:
— بالىلىرىم، سىلەرگە نېمىدەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەي قالدىم. رەھمەتنى ئەتە ئۆز يارىشىقى بىلەن ئېيتاي. ھازىر سىلەرنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان خوتۇن — بالىلىرىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. بىر ھەپتە ئوبدان ئارام ئېلىڭلار، ھېچكىم سىلەرنى ئاۋارە قىلمىسۇن. قېنى بېرىڭلار.
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، رەيھاندىن ئويغا چۆمدى: «توغرا قىپتىمەن. ئەگەر بولۇنبەگ كەلگەندە، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، ئاكا — ئۇنى ئېلىكخاننىڭ بىرلىشىپ ئوردوخانىغا يۈرۈش قىلىش پىلانىغا ئۇچۇقتىن — ئۇچۇق قارشى چىققان بولسام، مەلىكۇل مەشرىقنى ئۇ خۇنپەرۋەرنىڭ سوغۇق سېستىدىن خەۋەردار قىلالمىغان بولاتتىم. ئۇ يەنە ئوردىدىن ئايرىلغۇچە بولماق، دەپ تاپىلاپتۇ. بۇ دېگىنى — ئېنىمگە كۆز — قۇلاق بولۇپ كۆزەتكىن، دېگىنى. تېخىمۇ ھوشىيار تۇرمىسام بولمىغۇدەك، ئۇلار بەك ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ…»
— ئابا، مەلىكۇل مەشرىق قوزغۇلىدۇغۇ كېلەمدۇ؟
يۈسۈپنىڭ سوئالى رەيھاندىننى ئۆزىگە كەلتۈردى.
— مېنىڭچە، كېلىدۇ، بالام.
— مەن خوش خەۋەر كۈتىمەن، ئابا.
- مەھلىكۈل مەشرىق قوزغۇردۇغا كەلگەندە، سەن كۈتكەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلايسەن، بالام. خۇپتەننى ئۆتەپ بولۇپلا ئۇخلىغىن، بولامدۇ؟
- بولىدۇ ئابا، - يۈسۈپ ئۆز ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى. رەيھاندىن مەكتۇپنى قايتا - قايتا ئوقۇدى، ئوقۇغانسېرى قارا نىيەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشقا بولغان ئىشەنچى كۈچىيىپ، ئەندىشىسى ئازايدى. كۈنلەر بىر خىلدا ئۆتۈۋاتقاندەك تۇرغىنى بىلەن، ھەر كۈننىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزگىچىلىكى بار ئىدى. بۈگۈن رەيھاندىن ئۈچۈن يەنە كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بەرگەن كۈن بولدى. ئۇ ئورداغا بېرىپ، ئېبلىكخاننىڭ ھەرەمدىن چىقىشىنى كۈتۈپ دىۋانخانىدا ئولتۇردى. ۋەزىرلەر، ئەمىرلەر، چاغىربەگ، تارخانبەگلەر ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ كېلىشتى. ئەمىرى جاندار بوزاغۇ ھەممىدىن كېيىن كىرىپ كەلدى. ئۇ رەيھاندىنغا تەنتەك قاراپ يۈرەتتى، ئۇچراپ قالسا يانغا قاراپ ئۆتۈپ كېتەتتى، سورۇنلاردىمۇ رەيھاندىن بىلەن سۆزلەشمەيتتى. بۇ ئۇنىڭ «قىزىڭنى بەرمىدىڭ» دەپ ئاددىيلا قېيىداپ قالغانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى كۆرەلمەسلىك، ئىچى تارلىق، ئۆچەكىشىشتىن تۇغۇلغان يامان كۆرۈش ئىدى. رەيھاندىننى كۆرسىلا چايناپ يۈركۈۋەتكۈسى كېلەتتى ۋە بۇ نىيەتكە يېتىش ئۈچۈن، پۈتۈن ھىيلە - مىكىرنى ئىشقا سېلىپ ئەھمەد توغانخان سانىغا يېقىنلىشىشقا ئىنتىلەتتى. ئاتقا مىنمەكچى بولسا تىزىنى تۇتۇپ بېرەتتى، ئاتتىن چۈشمەكچى بولسا قولتىقىدىن يۆلەپ يەرگە دەسسىتەتتى، قىلمىغىنى قالمايتتى. ئۇنىڭ بۇنداق يېقىنچىلىقىدىن مىننەتدار بولغان ئېبلىكخان نەچچە قېتىم ئۇنى كۆدۈت بىلەن تارتۇقلىغانىدى. بۈگۈنبەگ كېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، بوزاغۇنى سۇباشى قىلىپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى. ئۇ ئېبلىكخانغا بىۋاسىتە قاراشلىق بىر تۈمەن ئىككى مىڭ سىپاھقا سۇباشى بولغانىدى، شۇڭا كىرىپ
تېرىسىگە پاتماي قالغانىدى.
رەيھاندىن ئۇنىڭغا نەزەر - كۆزىنى سالمىدى. ئېبلىكخانغا ئەڭ يېقىن بولغان جاندارلار ئەمىرى بىلەن سالاملىشىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىلتىپات سانىيدىغان يوغرىش، سۇباشىلار ئېگىلىپ كۆرۈشۈشتى. چاشكا ۋاقتى بولغاندا، تۇغانخان سانى ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەلدى، ھېچكىمگە قارىماي كېلىپ تەختتە ئولتۇردى. ئارقىسىدىن كىرگەن ۋەزىر - ۋۇزرالار ئۇنىڭ ئەمىرىنى كۈتۈپ ئۆرە تۇرۇشتى.
-
پەرمان! - ئەھمەد تۇغانخان سانى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن جاكارلىدى، - يوغرىشلار، سۇباشىلار، يابغۇ، كۆك ئايىق، چاغىربەگلەر، بۆرىبەگلەر، تارتانبەگلەر ئۈچ كۈنگىچە تەييارلىق قىلىپ، ئۈچ تۈمەن سىپاھنى ئاتلىنىشقا سەپراس قىلسۇن!
-
باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، - ئەمىرى جاندار بوزاغۇ تەخت ئالدىغا كېلىپ تىزلاندى، - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرىمىز.
بىرقانچە سۇباشى، يوغرىشلار بوزاغۇغا ياندىشىپ تىزلاندى:
- پەرمانبەردارمىز!
ئوردا ئەمىرى ئىنالچۇق تېگىننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان رەيھاندىن ھەممىلەنگە بىر قۇر سەپسېلىپ چىقىپ، تىزلىنىپ پەرمان كۈتۈۋاتقان سۇباشلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى:
-
ئېبلىكخان ئالىيلىرى، يېقىن ئاللىقاچان ئەمىرلەرگە پەرمانبەردار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرگەنىدىم. بۇ قېتىمقى ئوردۇكەنتكە قىلىدىغان يۈرۈشىمىزنىڭ زەپەر قازىنىشىدىن ئۈمىدۋارمەن.
-
توختاڭ يوغروش بېشى، بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ نىشانى ئۆزگەردى. ئوردۇكەنتكە ئەمەس، سەمەرقەنتكە بارىمىز.
رەيھاندىننىڭ غەمكىن چېھرىدە بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلكە پەيدا بولدى ۋە ئەجەبلەنگەن قىياپەتتە ساقىلىنى سىيپاپ قويدى.
ئالىيلىرى، سوراشقا بولامدىكىن، نېمىشقا ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلماي سەمەرقەنتكە بارىمىز؟ پادىشاھنىڭ قارارى ئۆزگەرمەس! نېمە ئۈچۈنلۈكىنى سوراش ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز، يوغروش، ئەھمەد توغانخان سانى تۈنۈگۈن كېچىدە سەمەرقەنتتىن كەلگەن ئىككىنچى چاۋاربەگ توغرۇلۇق ئاغزىنىڭ ئۇچىغىلا كەلگەن گەپنى قايتۇرۇپ يۇتۇۋەتتى. ئاشكارىلىسا، ۋەزىر ئەمىرلەردىلا ئەمەس، سىپاھلاردىمۇ گۇمان تۇغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى بوشاشتۇرۇۋەتكەندەكلا بولاتتى. ئەلۋەتتە، ئالىيلىرى، كەچۈرگەيلا، رەيھاندىن بىلمىگەنگە سېلىپ يەنە سورىدى، قورۇقچىلاردا كىم قالىدۇ؟ ئىنائالچۇق تېگىن جانابلىرى نائىب ئېلىكخان بولۇپ قالىدۇ. ياخشى ئويلاپلا ئالىيلىرى، كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى. رەيھاندىن ئۆزىنىڭ يېنىدا، توغانخان سانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغان ئىنائالچۇق تېگىنگە قارىدى. ئۇ بويچان، بوغداي ئۆڭ، گەۋدىلىك ئادەم بولۇپ، ھەمىشە قارا كۆزلىرىدىن ھەسرەت نادامەت ئۇچقۇنلىرى چېچىلىپ تۇراتتى. ئۇ ھازىرمۇ «مانا كۆردىڭىزمۇ، نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ھە؟!» دېگەندەك مەنىدە باش چايقاپ قويدى. تەييارلىق ياخشى ئىشلەنسۇن، ئاۋامغا داۋراڭ قىلىنمىسۇن، گەپ تامام ۋەسسالام، دەپ تەختتىن چۈشكەن توغانخان سانى گۇرس گۇرس دەسسەپ ئىستىراھەت ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. سارايدىن دەسلەپ چىققان رەيھاندىن يوغروش بېشى خانىسىغا كىرىپ ئويغا چۆكتى: «ئېلىكخاننىڭ ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلماي، سەمەرقەنتكە بېرىشىدىكى سەۋەبنى ئېيتمىغىنىغا قارىغاندا، بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان ماۋەرائۇننەھرگە باستۇرۇپ بارغان ئوخشايدۇ. ئىنىسىدىن
ئەشكىنچى كېپتۇ - دە…»
- يۇغرۇش بېشى، بار ئىكەنسىز؟ رەيھاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىدا تۇرغان ئىناقچۇق تېگىننى كۆردى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ دېدى:
- ئەمىر، خىزمەت بارمىدى؟
- يوقسۇ يۇغرۇش بېشى. بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن كىردىم، ۋاقتىڭىز چىقارمىكىن؟
- ئەلۋەتتە، ئەمىر جانابلىرى. پېقىرنىڭمۇ سىزدىن ئالىدىغان مەسلىھىتىم بار، - دېدى رەيھاندىن چاچلىرى ئاقارغان شاھزادىگە ھۆرمەت بىلەن.
- سىز ئوردىدا ئەربابلار ئىچىدە مەن ھۆرمەت قىلىدىغان بىردىنبىر كىشى، رەيھاندىنبەگ، - سۆز باشلىدى ئىناقچۇق تېگىن، - ئۇلۇغ بوۋام ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار مەملىكىتىنى قۇرغاندا، ئەلنى تىنچ، پاراۋان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ھەرگىزمۇ قانغا غەرق قىلىشنى ئويلىمىغان. لېكىن، ئۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ نەۋرە - چەۋرىلىرى ئۆزلىرىنى ئەلدىن، ئاۋامدىن ئۈستۈن قويۇپ، بايلىق، شان - شۆھرەت، زېمىن تالىشىپ، خەلقنى قانغا غەرق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھە دەپ قاراپ تۇرۇش - كەچۈرگۈسىز گۇناھ، يۇغرۇش بېشى جانابلىرى. مەن بۇنداق ئەھۋالدا نائىب ئېلىكخانلىقنى قوبۇل قىلالمايمەن. سىزنىڭچە، مېنىڭ بۇ قارارىم توغرىمۇ؟
- توغرا ئەمەس، ئوردىدا ئەمىرى، قوبۇل قىلىشىڭىز زۆرۈر، - دېدى رەيھاندىن قەتئىي يوسۇندا.
- نېمە ئۈچۈن؟
- سىزمۇ ئۇلۇغ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئەۋلادى. بۇۋىڭىزنىڭ ئىشىنى يەردە قويماي، قان تۆكۈش
ئۈچۈن ئەمەس، ئەلىنى سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قوزغىلىشقا ئېلىكخان بولۇق.
ئىنالچۇق تېگىن بېشىنى سىلاپ، چېكىسىنى تۇتقانچە ئولتۇرۇپ كەتتى. رەيھاندىنمۇ زوۋان سۈرمىدى.
— مەسلىھەتىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، رەيھاندىنبەگ، ماقۇل، — دېدى شاھزادە بېشىنى كۆتۈرۈپ.
— ئەمىر جاناپلىرى، مېنىڭ سەمەرقەنتكە زادىلا بارغۇم يوق…
— ئوردۇكەنتكە يۈرۈش قىلغۇدەك بار ئىكەن — دە، يوغروش باشى؟ — ئىنالچۇق تېگىن سوئال قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى.
— يوقسۇ ئەمىر، مېنىڭ ھېچ يەرگە بارغۇم يوق. خەلقنىڭ ئارامىنى بۇزغۇم يوق. سىزدىن مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچىمەن، جاناپلىرى.
— ئەگەر پېقىردا شۇ دەرىجىدە پاراسەت بار، دەپ بىلگەن بولسىڭىز، ئارتۇقچە ئويلىغان بولىسىز. قېرىپ قالدىم. بۇ ۋاقىتقىچە راستىنى دېسەم، بۇغراخان ياكى ئېلىكخان بولۇشقا ئىنتىلمەي ياشاپ كەلدىم. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىنىمۇ شۇنداق ئۆتكۈزمەكچىمەن. مېنىڭچە بولغاندا سەمەرقەنتكە بارغىنىڭىز تۈزۈك. مەيلى قايسى تەرەپتە تۇرۇڭ، سىز ئاۋامغا كۆيۈنىدىغان ۋاپادار ئەرباب. بۇ دۇنيادا ھايات بولۇشىڭىز ئەل ئۈچۈن ئامەت. سەمەرقەنتكە بېرىشىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ، ئەل ئۈچۈنمۇ پايدىلىق، — ئىنالچۇق تېگىننىڭ بۇ سۆزى سەمىمىي بولۇپ، رەيھاندىنغا كۈچلۈك تەسىر قىلدى. «بۇ ئادەمگە ئىشەنسەم بولىدىكەن، ئەمما سەمەرقەنتكە بېرىشقا دەۋەت قىلىشىدا، مېنىڭ ئامانلىقىمنىلا كۆزدە تۇتتىمىكىن…» ئۇ ئويلاپ قېلىپ دېدى:
— ئېلىكخاننىڭ سۆزىنى يىرالماي، سەمەرقەنتكە بارىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگىنىم، كۈتكەن تىلەككە يېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىم. ئەمىر، سىزمۇ شۇنى كۆزدە تۇتۇپ، بېرىك
دەۋاتامسىز؟
— بۇنداق ئەمەس، يۇغرۇش بېشى، ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئامانلىقىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن. بۇ ھەممىدىن مۇھىم، ئەلۋەتتە. بەرگەن ياخشى مەسلىھەتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئاقىيۇللۇق بولۇڭ، ئاللا سالامەت دىدار كۆرۈشۈشنى نېسىپ قىلسۇن، خەير، ئىككىلىڭىزنى يولغا چىقىشقا تەرەددۇت قىلغايسىز.
ئىنالچۇق تېگىن ئورنىدىن تۇردى. رەيھاندىن ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقتى.
مۇشۇ ئىككى — ئۈچ كۈن ئىچىدە رەيھاندىن شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كەتتىكى، چۈشلۈك تاماقنىمۇ ئورنىدا يېدى. ئۈچ كۈن ئىچىدە يول تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈش ئاسان ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە.
يۈسۈپ ھەر كۈنى كەچ خۇپتەندىن يانغان مەھەللىدە، ھارغان — چارچىغان ئاتىسىنى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈۋالاتتى. يابغۇ ئەتكەن مەززىلىك تاماقنى ئىچىۋالغان رەيھاندىن يۈسۈپكە ئورنىدا بولغان ئىشلارنى دەپ بېرىپ ئاندىن ئۇخلاپ قالاتتى. ئۇ ماڭىدىغان كۈنى ئائىلىدىكى ھەممىدىن يەتتە چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
— خۇداغا ئامانەت، ئاتا، — يۈسۈپ رەيھاندىننى قۇچاقلىدى، — غەلىبە قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىرىدە يەنە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشىمىزگە ئاللا نېسىپ قىلسۇن، — يۈسۈپ ئاتلىق كېتىۋاتقان رەيھاندىننىڭ كەينىدىن يۈگۈردى.
— ئوغلۇم، بولدى قالغىن، خوش، خۇداغا ئامانەت!
— سالامەت قايتىپ كېلىشلىرىنى ئاللادىن تىلەيمىز، ئاتىسى، — دېدى يابغۇ بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ.
سەپ تارتىپ شەھەردىن چىققان ئۈچ تۈمەن سىپاھ — لەشكەرنى قەۋم — قېرىنداشلىرى يىغا — زار بىلەن ئۇزىتىپ قالدى…
4
ئەھمەد تۇغانخان سانى ئاتلانغان كۈندىن باشلاپ بەگتۆمۈر ئائىلىسىنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلدى. ئۇلارنىلا ئەمەس، پۈتۈن بالاساغۇن ئەھلىنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلغانىدى. شۇ كۈنى بۇلۇت قاپلىغان ئاسماندىن شارىلداپ چۈشكەن يامغۇر بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا شارقىراپ ئاقتى.
بىر ئاي ئۆتتى. باش كۈزنىڭ مەيىن شامىلى دەل - دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى شىلدىرلىتىپ، دەرسخانىنىڭ دەرىزىلىرىگە تارتىلغان پەردىلەرنى يەلپۈندۈرەتتى. سالقىن چۈشكەنىدى. رەيھاندىندىن خەۋەر بولمىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە بېرىلگەن يۈسۈپ «بۇغراخان مەدرىسى» دىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندە، مېھرى ئىسسىق، خۇشخۇي ئاتىسىنى كۆرگۈسى كېلىپ ئۆرتىنەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئەسەپ سىغىنىپ، ياش تۆكۈپ، ئەندىشە ئىچىدە قالغان بوۋا - مومىسىغا، ئانىسى، ئاچىلىرىغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنىڭ قايغۇسىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشاتتى، چوك ئادەمدەك ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئۈمىد بەخش ئېتەتتى.
ئىككى ئاي ئۆتتى. سارغايغان يوپۇرماقلار تۆكۈلۈپ، چوپانلار پادىلىرىنى ھەيدەپ قىشلاققا كۆچتى. باھار، يازنى راھەت - پاراغەتتە ئۆتكۈزگەن قۇشلار قىش بولمايدىغان ئەللەرگە يول ئالدى. سوغۇق چۈشۈپ كېتۈۋاتاتتى. رەيھاندىندىن يەنىلا خەۋەر كەلمەيۋاتاتتى.
يۈسۈپ «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەپسىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى. ئۇ ھەر قانداق سورۇن - مەركىلەردە سۈرە، ئايەتلەرگە مەنا ئېيتالايدىغان بولغانىدى. ئاتىسى بۇنى بىلسە قانچىلىك سۆيۈنۈپ كېتەر - ھە!
يۈسۈپ ئەتەنگىلىك چېيىنى ئىچىپ مەدرىسىگە باردى.
389
مەسچىت ئىچىدىكى قارىخانىدىن كېڭىيىپ، مۇنارلىق، گۈمبەز - پېشتاقلىق مەدرىسە بولۇپ قالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا، ئون توققۇز دەرسخانا، بىر يۈز توقسان ھۇجرا، يەنە كۆپ كىشىلىك، ئايرىم ئۆيلۈك ھاممام، تاھارەت ئالىدىغان مەرمەر سوپا بار ئىدى. قەشقەر، سەمەرقەنت، بۇخارا، باغدات، شام شەھەرلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇدەررىسلەر دەرس بېرەتتى. باش مۇدەررىس — ئەبۇ يۈسۈپ ئابدۇغوپۇر بىننى ھۈسەيىن ئەللامە ئىدى.
بۇ يېڭى قۇرۇلغان مەدرىسەدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئەڭ كىچىكى، شۇنداقلا ئەڭ زېھرەك، ئەقىللىقى يۈسۈپ ئىدى. ھەممە مۇدەررىسلەر ئۇنى تونۇپ كەتكەنىدى.
يۈسۈپ چۈشتىن كېيىن ئەدەبىيات، تارىخ پەنلىرىدىن ئۆتۈلگەن دەرسنى تۈگىتىپ، پېشىن نامىزىنى مەدرىسەنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇدى. ئەبۇ يۈتۈھ مەخدۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە تاماكقا بارماقچى بولۇپ، مەدرىسە سەيناسىغا چىقىپ تۇرۇۋاتاتتى، بويانقار كىرىپ كەلدى. پادىشاھ سەرۋازلىرىدەك كىيىنگەن بۇ يىگىت ناھايىتى سالاپەتلىك بولۇپ قالغانىدى. بېشىدا ئۈچ بۇرجەك قىزىل پۆپۈكلۈك قالپاق، ئۈستىدە مەھەللە كەمزۇل - ئىشتان، بېلىدە كۈمۈش ھالقىلىق كەمەر، پۇتىدا ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك بار ئىدى. غىلاپقا سېلىنغان ئەگرى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى. يۈسۈپ ئۇنى تونۇپ يۈگۈرۈپ ئالدىغا باردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇكام بەگ يۈسۈپ.
— بويانقار ئاكا! — ئۇ يىگىتنىڭ بوينىغا ئېسىلدى، — ئاتاممۇ كەلدىمۇ؟
— كەلدى، ئۇكام، ئۆيدە قالدى. سەن چۈشتە كەلمىگەندىكىن بېرىپ باققان، دەپ ئەۋەتكەنىدى.
يۈسۈپ دەرسخانىدىن چىققان ئۇستازىغا:
— ئاتام سەمەرقەنتتىن قايتىپ كەپتۇ، كىشى قارا، — دەپ بويانقارنى تونۇشتۇردى.
— ئۇنداق بولسا بارغىن، بالام. يۇغرۇش باشقا سالىمىنى يەتكۈزگەن. مەنمۇ مۇدەررىسلەرنى باشلاپ پەتە قىلىپ كېلىمەن. بارغىن، ئاتاڭغا ھەمراھ بول. يۈسۈپ ئۇستازى بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى. — بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ سەمەرقەنتكە باردىمۇ؟ — سورىدى ئۇ كېتىۋېتىپ. — بىزدىن بۇرۇن بېرىپ بوپتىكەن ئۆكام، سەمەرقەنت شەھىرىنى قامال قىلىۋاپتىكەن. — نېمىشقا شەھەرگە بېسىپ كىرمەپتۇ؟ — مەھكۇم مەشرىقنىڭ قان تۆكۈشنى خالىمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. — سىلەر بېرىپ بۇغرا قاراخان لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدىڭلارمۇ؟ — ياق، ئۆكام، — بويانقار ئۆزىمۇ سوئال سورىۋاتقان يۈسۈپكە قاراپ قەدىمىنى ئاستىلاتتى، — تۇغانخان سانى ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىدى. غەزنەۋىيلەر شاھى سۇلتان مەھمۇدخانمۇ نۇرغۇن لەشكەر بىلەن كېلىپ سەمەرقەنتنىڭ شىمال تەرىپىدە بارگاھ قۇرغانىكەن. بۇ ئىككى كاتتا پادىشاھقا ئۇ قانداقمۇ تەڭ كېلەلىسۇن، يا ئارقىسىغا يانالماي، يا ئالدىغا ماڭالماي قالدى. — خوب بوپتۇ، «نيىتى بۇزۇقنىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەن شۇ. قورۇقوردىن مېڭىش ۋاقتىدا شۇنداق كۆرەڭلەپ كېتىپتىكەن، — يۈسۈپ ئاغزىنى يۇرۇپ قويدى، — شۇنداق قىلىپ جەڭ قىلمىدىڭلارمۇ؟ — قىلدۇق، ئەھمەد توغانخان سانىنىڭ ياردەمگە كەلگىنىنى بىلگەن ئەلى تېگىن سەمەرقەنت شەھىرىدىن چىقىپ بارگاھ قۇردى. بىزنىڭ ئېلىكخانمۇ ئىنىسىنىڭ بارگاھ قۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۈمىدلەندى بولغاي، بارلىق لەشكىرى بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇلدى… ئۇلار سۆزلىشىپ مېڭىپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى
بىلمەي قېلىشتى. ھويلىغا كىرگەندە، ھەممە تۇغقانلار ساراي ئۆيىدە چاي ئىچىشىپ ئولتۇراتتى. رەيھاندىن ئوغلىنى دەرۋازىدىن كۆرۈپ ئىتتىك ھويلىغا چىقتى، چەكسىز مېھرى بىلەن يۈسۈپنى باغرىغا باستى.
— ئاللا تىلىكىڭگە يەتكۈزۈپتۇ، ئابا. مۇبارەك بولسۇن! — دېدى يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ. ئاتا - بالا قول تۇتۇشقانچە سارايغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى.
بەگتۆمۈر بوۋاي ئوغلىنىڭ شەرىپىگە ئىككى قوچقار، بىر تاي، بىر موزاي سويدۇرۇپ، كېچىچە پەتەگە كەلگەنلەرنى مېھمان قىلدى. ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بەگتاش ئابدۇللا داموللىدىن باشقا ھەممە تۇغقانلار، قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى، بۇرادەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ، غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلاپ خوشال - خۇرام ئوزاشتى. رەيھاندىن يۈسۈپنى ئېلىپ، قېيىنئاتىسىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، خوش خەۋەر يەتكۈزۈپ قايتىپ كەلدى.
— ئابا، بويانقاردىن ئاڭلاپ ئۆتۈدۇم ئاز - تولا خەۋەردار بولدۇم، تۇغانخان سانى بىلەن ئەلى تېگىننىڭ قوشۇنىغا بۇغرا قاراخان نېمىشقا يول قويدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ — سورىدى يۈسۈپ شام چىراغلار ياندۇرۇۋېتىلگەن سارايىدا رەيھاندىننىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرغان تۇغقانلارغا كۆز سېلىپ. ئۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىشنى خالايتتى.
— بىردەمدە سەمەرقەنتتە بولغان ئەھۋاللارنى ئوقۇپ بويسەن - دە، بالام؟ — رەيھاندىن يېرىم سۇنغان جامدىكى چايدىن بىر سۈمۈرۈپ گەپ باشلىدى، — يول قويغىنى راست. مەھكۇم مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان يەتتە تۈمەن بەش مىڭ لەشكەر بىلەن، غەزنەۋىيلەر شاھى سۇلتان مەھمۇدخان ئون تۈمەن لەشكەر، يەتمىش پىل بىلەن كېلىپ سەمەرقەنت دىيارىدا قوشۇلۇپ، بۇ شەھەرنى قامال قىلغانىكەن. بۇنى كۆرۈپ تۇغانخان سانى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ نېمە دېيىشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغان بولسىمۇ، خاتالىقىنىغا تەن بەرمىدى. ئەلى تېگىن ئونىڭ
قۇزغۇندۇغا يېنىپ كەتكەي ئۆزىگە قوشۇلغىنىدىن خۇرسەن بولۇپ ئاكىسىنى تەختكە ئولتۇرغۇزدى. «سەلجۇقىيلار ۋەدەسگە ۋاپا قىلمىدى، لەشكەر ئەۋەتمىدى. سىز ۋاقتىدا كېلىپ ماڭا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلىدىڭىز، بۇنىڭدىن غايەت خۇشال بولدۇم. ئەمما، كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، يۈسۈپ قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇدخان بىرلىشىپ شەھىرىمىزنى قورشىۋالدى. ئۇلارنىڭ لەشكەر سانى ئون بەش تۈمەندىن كەم ئەمەس. بىزنىڭ لەشكەرلىرىمىز سەككىز تۈمەنگە يەتمەيدۇ. بۇنداق ھالدا جەڭ قىلساق، مەغلۇپ بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن، جېنىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز، شۇڭا…» دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتاتتى، تۇغانخان سانى «بەس!» دەپ ۋارقىراپ توختىتىپ قويدى. «ئىنىم، سىزگە ئىشىنىپ، جاننى قولغا ئېلىپ كەلسەم، تەسلىم بولۇشقا ئالدىراۋاتامسىزغۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە جەڭدە ئۆلگەن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر يەنە شۇنداق گەپنى قىلسىڭىز، ئەزىز كاللىڭىز تېنىڭىزدىن ئايرىلىپ توپىغا مىلىنىدۇ، دەرھال جەڭ دۇمبىقىنى چېلىشقا ئەمىر قىلىڭ» دېدى ئۇ غەزەپلىنىپ ۋە قىلىچىنى قىنىدىن سوغۇردى. ئەلى تېگىن تاتىرىپ كەتتى. ساۋۇت - دۇبۇلغا كىيگەن بولۇنبەگ: «قېنى، ئەمىر قىلىڭ ئېلىكخان، سىزدىكى جاسارەت نەگە كەتتى؟ ئەگەر سىز ئەمىر قىلمىسىڭىز، جەڭ دۇمبىقىنى ئۆزۈم چالىدۇرمەن» دەپ ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتتى. بۇ ھالقىلىق پەيت ئىدى. مەن ئەھمەد تۇغانخان سانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئىنىلىرى ئەلى تېگىن توغرا دېدى، ئەڭ ياخشى چارە بۇغرا قاراخاندىن ئەپۇ سوراش ۋە ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش، جەڭ دۇمبىقىنى ئەمەس، بەلكى ئەپۇچىلىك شادىيانىسىنى چېلىش كېرەك» دېدىم قىلچە يۈز - خاتىر قىلماي. كۆزلىرىگە قان تولغان بولۇنبەگ قىلىچىنى كۆتۈرۈپ مېنى چاپماقچى بولۇۋاتاتتى، كەينىمدە تۇرغان ئۆتمۈش گۈرزە بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئېلىشىش باشلاندى. مۇھاپىزەت قىلىپ ئىككى
393
يېنىمىدا تۇرۇشقان بويانقار، ئادار، يارۇقلار مېنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ، قىلىچ، نەيزە بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن بوزاغۇنىڭ جاندارلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلدى. تۇغانخان سانى مېنى تۇتۇپ باغلاشقا ئەمر قىلدى. جاندارلار، جاللاتلار، ياساۋۇللار تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ، كۆيۈمچانلىرىمنى باسماقداپ تۇتۇپ باغلىۋەتتى. مېنى باغلىماقچى بولۇۋېدى، تۇغانخان سانى: «بوينىغا تاقاق سېلىڭلار، ئۇ بىزنىڭ غەلىبىمىزنى قۇل - پۇتى بوش ھالدا كۆرۈپ تۇرسۇن» دېدى. بوينۇمغا تاقاق سېلىنىشى بىلەن جەڭ دۇمبىقى چېلىندى. بىرىنچى بولۇپ بوزاغۇ مەيدانغا كىردى. ئۇنىڭ بۇنداق قاپ يۈرەكلىك قىلىشى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. بوزاغۇ ئۆزىنى نەيزىۋازلىقتا، يادىن ئوق ئۈزۈشتە تەڭداشسىز سانايتتى. نەچچە يىلدىن بېرى ھارماي مەشىق قىلىپ قىلىچۋازلىق ماھارىتىنى ئۆستۈرگەنلىكىمۇ ماڭا ئايان ئىدى. بوزاغۇ ئات ئۈستىدە نەيزە ئوينىتىپ مەيداننى ئايلىنىپ رەقىبىنى جەڭگە چاقىردى. بۇغرا قاراخان تەرەپتىن مەيدانغا كىرگەن ئۈچ سەردارنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈردى.
بوزاغۇ كۆرەڭلەپ مەيداننى ئۈچ قېتىم ئايلاندى. ئۇنىڭ قان قۇيۇلغان كۆزلىرى بەقەمەدەك قىزارغانىدى. بىر چاغدا بۇغرا قاراخان تەرەپتىن نىقابلىق بىر ئەزىمەت مەيدانغا كىردى. گۈرزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئات چاپتۇرۇپ كەلگۈنچە، بوزاغۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ۋارقىرىدى: «نۆۋەتنى ساڭا بەردىم، نەيزەڭنى ئىشقا سال!» بوزاغۇ ئېتىنى كەينىگە ياندۇرۇپ يىراقتىن چېپىپ كەلگۈنچە نىقابلىق ئەزىمەتكە نەيزە ئۆردى. نەيزە گۈرزىنىڭ زەربىسىدىن سۇنۇپ يەرگە چۈشتى. بوزاغۇ قولىغا قىلىچ ئالدى. ئۈچ قېتىم قىلىچ ئۇرۇپ نىقابلىق ئەزىمەتكە زىيان يەتكۈزەلمىدى. ئەمدى نۆۋەت نىقابلىق ئەزىمەتكە كەلگەنىدى. ئۇ نىقابىنى ئېچىۋېتىپ: «مېنى ئوبدان كۆرۈۋال، ئەگەر ئەل بولۇپ ئالدىمدا تىز پۈكسەڭ، بىر قوشۇق قېنىڭدىن كېچىمەن» دېدى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن. مەن نىقابلىق ئەزىمەتنىڭ سۇلايمان
ئارسلانخان ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالدىم. بۇغرا قاراخاننىڭ بۇ چوك ئوغلى بوزاغو بىلەن قاتتىق ئېلىشتى. ئالاهادە يېرىم سائەت قىلىچلاشقاندىن كېيىن، بوزاغونىڭ قىلىچى ئىككى پارە بولۇپ يەرگە چۈشتى. ئۇ ئېتىنى كەينىگە بۇراپ قاچتى. ئوغلىنىڭ بۇ شەرمەندە ھالىنى كۆرگەن بولۇنبەگ بارلىق سىپاھلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنى ئاكا - ئۇكا ئېلىكخانلاردىن سوراپ پەرمان چۈشۈردى. نەچچە تۈمەنلىك سىپاھ ھۇجۇمغا ئۆتتى. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ لەشكەرلىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۆتتى. قان دەريا بولۇپ ئاقتى، بالام. سۇلتان مەھمۇدخان يەتتۈش پىلى بىلەن تۇغاندىن سانىنىڭ سىپاھلىرىنى چەيلەپ، يانچىپ تەرپىرىن قىلىۋەتتى. بۇغرا قاراخاننىڭ لەشكەرلىرى ئەلى تېگىننىڭ بارگاھىغا بېسىپ كىردى. ئۇنى ئەسىر ئېلىپ، بوينىدىكى تاقاقنى ئالدى، كۆيۈئوغۇللىرىمنى باغلاقتىن بوشاتتى. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇ چەمبەرچاس باغلانغان بولۇنبەگنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ: «سىز مەكتۇپ ئەۋەتىپ، بۇ مۇناپىقنىڭ قۇتراتقۇلۇقى، ئىككى ئىنىمنىڭ قارا نىيەتتىن مېنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرمىگەن بولسىڭىز، بىز سەمەرقەنتتە ئەمەس، ئوردۇكەنتتە كۆرۈشكەن بولاتتۇق. بەلكىم بىزنىڭ ئۇچرىشىشىمىز بۇنداق شاد - خۇراملىق ئىچىدە بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى» دەپ كۆڭلۈمنى بىر سۆيۈندۈردى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەنتەنە ئىچىدە شەرقتىكى كاتتا شەھەر ئەزىم سەمەرقەنتكە كىردىم. ئاۋام بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
- ئەھمەد تۇغانخان سانچۇ، ئۇ تەسلىم بولدىمۇ؟ - سورىدى دىققەت بىلەن تىڭشاپ ئولتۇرغان يۈسۈپ.
- سەنزە بالام، بىر ئىشنىڭ يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە ئاڭلىمىساڭ بولمايسەن، - ھە، - رەيھاندىن كۈلۈمسىرەپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - ئەھمەد ئېلىكخاننىڭ ئازغىنا ئادەملىرى بىلەن قىزىلقۇم چۆللۈكىگە قاچقانلىقىنى
ئادامتۇغرۇلدىن ئاڭلىدىم. ئۇ ئۆز سىپاھىلىرى بىلەن ئەھمەد ئېلىكخاننى يېرىم كۈنلۈك ئارقىسىدىن قوغلاپ قۇم بارخانلىرىنىڭ كەينىگە ئۆتكۈزۈۋېتىپ قايتىپتۇ.
— كېيىن ئەھمەد تۇغۇلغان ساندىن دېرەك بولمىدىمۇ، سىلەر ئۇنى ئىزدەمدىڭلارمۇ؟ — يۈسۈپ قانائەتلىنەلمىگەندەك يەنە سورىدى.
— دېرەك بولمىدى، بالام. قىزىلقۇم چۆللۈكى ئەجەل چۆللۈكى دەپ ئاتىلىدىغان چەكسىز قۇملۇق. بۇ قۇملۇققا كىرىپ قالغان ئادەمنىڭ ساق قايتىپ چىققانلىرى ناھايىتى ئاز، كۆپىنچىسى ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىراپ ئۆلۈپ، قارغا قۇزغۇنلارغا يەم بولۇپ كېتىدىكەن.
— بوزاغۇ تۇتۇلغاندۇ، ئابا؟ ئۇ مەلئۇننى قانداق جازاغا تارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ — ئايتېكىننىڭ بۇ سوئالى ھەممىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
— بوزاغۇ تۇتۇلمىدى، قىزىم. ئۇ ئىبلىس جەڭ مەيدانىدا سۇلايمان ئارسلانخاندىن زەربە يەپ قاچقاندىن بۇيان بىزگە قارىسىنى كۆرسەتمىدى. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدىمۇ جەسىتى كۆرۈنمىدى. قارىغاندا، سەلجۇقىيلار ئېلىككە قاچقاندەك قىلىدۇ، بالىلىرىم. سىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان يەنە بىر كىشى توغرۇلۇق سورىمىدىڭلارغۇ؟
— ئۇ كىم، ئابا؟ — يۈسۈپ رەيھاندىنغا يېقىن سۈرۈلۈپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى.
— بولۇنبەگ، ئوغلوم.
— ھە، بۇ مۇناپىق تۇتۇلغاندىغۇ، قېچىپ كەتتىمىدۇ؟
— ياق، قېچىپ كېتەلمىدى، بالام. قوزئوردوغا ئېلىپ كەلدۇق، مەشھەدە جازاغا تارتىلىدۇ.
— قانداق جازاغا تارتىلىدىكەن، ئابا؟
— مەلئۇل مەشرىق دارغا ئېسىش توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈردى، ئوغلوم.
— قۇۋ تۈلكە ئاخىر قۇيرۇقىدىن ئىلىنىپتۇ — دە، ھەممە ئاسى، قارا دىللارنىڭ ئاقىۋىتى شۇنداق بولىدۇ.
— توغرا دېدىڭ، بۇغرام، — باياتىن گەپكە ئارىلاشماي قىزىقپ ئولتۇرغان بەگتۆمۈر ئاقارغان ساقاللىرىنى سىيپاپ لىكشىتتى، — ئاسىلارنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ، تەقدىرى ئەزەلدىن شۇنداق.
— ئەجەب ئوبدان بوپتۇ. ئۇ مەلئۇننى قىلىچ بىلەن چىپىۋەتكەن ياكى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، بىز كۆرەلمەي ئارماندا قالاتتۇق. ئەمدى ئۇنىڭ جازا مەيدانىدىكى بىچارە قىياپىتىنى كۆرۈپ پۇخادىن چىقىدىغان بولدۇق. قەبىلىلەر ئارا زىددىيەت سېلىپ، قىلمىغان شۇملۇقلىرى قالمىغانىدى، ئەمدى جازاسىنى تارتسۇن، — زەمۇران ئانا توغرا دېدىمۇ دېگەندەك قىلىپ رەيھاندىنغا قاراپ قويۇپ، يۈسۈپنىڭ بېشىنى سىلاپ قويدى.
— بوزاغۇ تۇتۇلغان بولسا، ئاتا — بالا ئىككى ئېبلىسنى تەڭلا چالما — كېسەك قىلغان بولساق، كۆڭلىمىز تەسكىن تاپاتتى. بوزاغۇنىڭ قېچىپ كەتكىنى يامان بوپتۇ، — دەپ قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان يابرا سۆز قىستۇردى.
— ئابا، خاتىرجەم بولغىن. چوشقا تادان تۈلكە قۇيرۇقىدىن ئىلىندىمۇ، بولدى. قالغان تۈلكىلەرمۇ قۇيرۇقىدىن ئىلىنماي قالمايدۇ، بۇ تارىخىي ھەقىقەت، — يۈسۈپنىڭ بۇ سۆزى ھەممىلانىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.
— بۇغرا قاراخان دۆلەت ئەربابلىرى ۋە بارلىق سىپاھلارغا جەڭدە قولغا كەلتۈرگەن ئولجا — غەنىيمەتنى تارقىتىپ بېرىدۇ. بالاساغۇن، سەمەرقەنت ئېلىكخانلىرىنى تەيىنلەيدۇ. قاراخانىيلار مەملىكىتى ئەمدى روناق تاپىدۇ، بالىلىرىم، — دېدى رەيھاندىن. ئۇنىڭ خوشخۇي چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. ئۇ ھەممىنى داستىخانغا كەلتۈرۈلگەن پولۇغا تەكلىپ قىلىپ، يۈسۈپكە قاراپ، — يەنە سوئالىڭ بارمۇ، ئوغلۇم؟ — دەپ
سورىدى. — ھايات ئادەمنىڭ بىلگىنىدىن بىلمىگىنى ھامان كۆپ بولىدۇ، ئابا. مېنىڭ سوراپ بىلىدىغانلىرىم تېخى كۆپ. يۈسۈپنىڭ سۆزى ھەممىلا يەرنى كۈلدۈرۈۋەتتى. ئەتىسى مەلكۇل مەشرىقنىڭ ئەمىرى بىلەن سۇباشلار بارلىق لەشكەر — سىپاھلارغا ئىنعام تارقىتىپ بەردى، ھەربىر نۆكەرگە بىردىن تىللا، بىر تونلۇق بەقەسەم تەگدى. يۈسۈپ قادىرخان ئۆز قولى بىلەن رەيھاندىنغا تون كىيدۈرۈپ، ئات مىندۈردى. ئۇ پەرمان چۈشۈرۈپ، ئۆدمىش، بويانقار، ئادار، يارۇقلارغا ئالىپ ئۇنۋانىنى بەردى، خىلئەت تەقدىم قىلدى. ئارقىدىن شەيخۇلىسلامنىڭ ھۆكمى بويىچە، بولۇنبەگ جازا مەيدانىدا دارغا ئېسىلدى. ئۇنىڭ ھىيلە — مىكىر بىلەن تولغان بېشى سىرتماق ئۈستىدە گىلدىڭلىشىپ قالدى… مەلكۇل مەشرىق كېچىتە بەگ تەرەكسى ئۆتكۈزدى. بۇ ۋاقىتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن بەگ تەرەكسىنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق ھەشەمەتلىك، دەبدەبىلىك بولمىغانىدى. بۇ زىياپەتنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇ بولدىكى، بۇغرا قاراخان شاراب ئىچمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىدىشچى بېشى شاراب ئورنىغا ئانار شەربىتى قويۇپ بەردى. رەيھاندىن يېرىم كېچىگە يېقىن بەگ تەرەكسىدىن يېنىپ ئۆيىگە كەلدى. بۇرۇنقىدەكلا ئىشىك ئالدىدا ئۇنى يۈسۈپ كۈتۈۋالدى. يارۇق ئاتلارنى يېتىلەپ كەتتى. — تېخىچە ئۇخلىمىدىڭمۇ، بالام؟ — دېدى رەيھاندىن يۈسۈپنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ. — ئاباممۇ ئۇخلىمىدى، ئاتا. مەنمۇ يولۇڭغا قاراپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ تۇردۇم. — جازا مەيدانىغا بارمىدىڭلارمۇ، بالام؟ — باردۇق. مۆھتەرىملەر ئىبرەت ئېلىپ كېتىڭلار، دەپ ھەممە تالىپلارنى ئېلىپ باردى، — يۈسۈپ جاۋاب بەرگەچ، ئاتىسىغا ياندىشىپ غازاڭ بولغان گۈللۈكنى ئايلىنىپ ئۆتتى.
— بولۇنبەگ دار ئالدىدا ئۆزىنى قانداقراق تۇتتى، بالام؟ — «بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىڭلار!» دەپ تىزلىنىپ تۇرۇۋالدى. جاللاتلار ئۇنى سۆرىگەندەك دار ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ بوينىغا سىرتماق سالدى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇدى. ھېچكىم ئىچ ئاغرىتمىدى. جازا مەيدانىغا بارماپسەن — ھە، ئاتا؟ رەيھاندىن ئۆيدىن چىقىپ ئالدىغا كېلىۋاتقان يابىراغا كۆز سېلىپ جاۋاب بەردى: — بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان رەقىبىمگە ئۆزۈمنى كۆرسەتكۈم كەلمىدى. يېڭىلگەن دۈشمەن ئالدىدا كۆرەڭلەش مەردلىك ئىشى ئەمەس، ئوغلۇم. — بىلدىم، ئابا. سەن ناھايىتى مەردانە ئىكەنسەن. سېنىڭ بۇ پەزىلىتىڭنى ئۆلگە قىلىمەن. — سەنزە ئوغلۇم… — رەيھاندىن ئۇنىڭ يەلكىسىگە قاقتى. دېدەك ئېلىپ كەلگەن بىر ئاپتۇۋا سۇدا يۈز — قولىنى يۇدى. پېشايۋان تۈۋرۈكلىرىگە ئېسىلغان قەندىللەردە شام يېنىپ تۇراتتى، ھويلا سەيناسى غۇۋا يورۇق ئىدى. تېخى مۇز تۇتمىغان كۆلدىكى ئاينىڭ شولىسى ئالتۇن ئورغاقتەك پارىلدايتتى. رەيھاندىن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، يابىرا سۇنۇپ بەرگەن لۆڭگەدە قول — يۈزلىرىنى ئېرتتى، ئاندىن ئۆزىگە مېھرى بىلەن قاراپ تۇرغان يۈسۈپنىڭ قولىدىن تارتتى. — يۈر بالام، خانامغا كىر. ساڭا ئېيتىدىغان يەنە بىر خۇش خەۋەر بار. يۈسۈپ ئاتا — ئانىسىنىڭ ئازادە خانىسىغا كىرىپ كۆرپە ئۈستىگە يۆكۈندى. — سېنى مەھكۇل مەشرىقنىڭ كۆرگۈسى بار ئىكەن. ئەتە ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئېلىپ بارىمەن. ئۇ يەردە بۆرە تېگىنىمۇ كۆرسەن، — دېدى رەيھاندىن يابىرا سۇنغان كۈمۈش جامدىكى چاينى قولىغا ئېلىپ. — بۆرە تېگىنى؟! — يۈسۈپ ئويلاپ بىردىنلا ئېسىگە
ئالدى، ھە، ھېلىقى مەلىكە ئانام گېپىنى قىلىپ بەرگەن بۆرە تېگىنمۇ، ئۇ قوزغۇردۇغا كەپتىمۇ؟
ھەئە، بالام. ئاشۇ ئالتۇن تارىم مەلىكە ئادىرا سۆزلەپ بەرگەن بۆرە تېگىن قوزغۇردۇغا كەلدى. ئۇنى بۇغرا قاراخان ئاكىسى بىلەن سەھەرقىنەتكە ئېلىپ بارغانىكەن. جەڭگە قاتناشتى. بۇ توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمىگىنىمنى قارا. ئۆزى بالا بولسىمۇ، يادىن ئوق ئۈزۈش، نەيزە سانجىش، قىلىچۋازلىق، ئومۇمەن ئۇرۇش جەھەتلەردە كامالەتكە يېتىپتۇ. قورقۇمسىز، ئالىپ تېگىن بولۇپ يېتىلىپتۇ. سەندىن ئىككى ئۈچ ياشلا چوڭ بولغىنىغا قارىماي، شۇنداق چىچەن، شۇنداق غەيرەتلىك.
ئاتا، خۇدا بۇيرۇسا، ئەتە سەن بىلەن بېرىپ مەلىكۈل مەشرىققە سالام بېرىمەن. بۆرە تېگىن بىلەن كۆرۈشىمەن، تامىر بولۇپ قالساق ئەجەب ئەمەس، دېدى يۈسۈپ ۋە ئاتا ئانىسىغا خوش ئېيتىپ ئۆز خانىسىغا چىقتى.
ئۇ راسلاپ قويۇلغان ئورۇندا يانتۇ بولۇپ دېرىزگە قاراپ ياتتى. ئۇزاقتىنچە بۇغرا قاراخاننىڭ كىتاب ۋە خەنجەر سوۋغا قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىم كۆرۈشكەندە نېمە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇخلىيالمىدى. بۆرە تېگىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمۇ خىيالىغا كېلىۋېلىپ، تاڭ ئېتىشقا يېقىن ئۇخلاپ قالدى. چۈشىدە بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان ئۆنىگە ھېچنېمە سوۋغا قىلمىغانمىش. بۆرە تېگىن قىلىچ يالىڭاچلاپ ئۇنى چاپماقچى بولۇۋاتقانمىش …
ئون بەشىنچى باب: مەلىكۇل مەشرىق ھۇزۇرىدا
1
بامدات نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇپ چىققان رەيھاندىن ئۆيدىكىلەر بىلەن چاينى ئىچتى دە، كىيىملىرىنى يۆتكەپ ھويلىغا چىقتى. پېشايۋان ئالدىدا يۈسۈپ ئونى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ بېشىغا بادام دوپپا، ئۇچىسىغا قايرىما ياقىلىق كەمزۇل ئۈستىدىن سېرىق يوللۇق بېقەسەم تون كىيگەنىدى.
رەيھاندىن بوي تارتىپ چوڭچىلا بولۇپ قالغان ئوغلىغا قاراپ زوقلىنىپ تۇرۇۋەردى، ئابىرا چىقىپ:
ئەمدى يىگىت بولۇپ قالدىڭ، ئوغلۇم. بويۇندىق ئىشتانساڭ ھەم سالاپەتلىك كۆرۈنىسەن، ھەم سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىسەن، دەپ ئېلىپ چىققان بويۇندىقنى ئېسىپ قويدى، قارا، شۇنداق ياراشتى.
يۈسۈپنىڭ ئاق سۈزۈك چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى.
رەھمەت، ئاپا.
مەلىكۇل مەشرىققە مېنىڭدىنمۇ سالام ئېيتىقسەن، دېدى زەمىران ئانا بىلەن ھويلىغا چىققان بەگتۆمۈر. ئۇ نەۋرىسىنىڭ بوي تۇرىقىغا، بېلىگە ئىشتانغان كۈمۈش ساپلىق خەنجەرگە سەپىلىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى:
تەڭرىم بۇغرا قاراخان ئالدىدا سىلەرنى يەرگە قاراتمىغاي، مەرتىۋەڭلەرنى ئۈستۈن، ھۆرمىتىڭلارنى زىيادە قىلغاي. ئامىن!
ئامىن! ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى.
401
ئادار، يارۇقلار ئاتلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ماڭغاندا، قىزىرىپ گۈلخان بولغان ئۇپۇقتىن كۈنمۇ كۆتۈرۈلۈپ چىقتى.
بۇ يۈسۈپنىڭ ئوردىغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشى ئىدى. دەرۋازا، ئىشىكلەردىكى بۆرە، بۇغرا، ئۆكۈز، ئارسلان، قاپلان، ئەجدىھانىڭ سۈرەتلىرى تامامەن ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ئويما، كۆپتۈرمە نەقىشلەر چېكىلگەنىدى. بۇرۇنقى سۇر، ھەيۋەتتىن ئەسەر قالمىغاندى. ئەمما، بۇ كىشىلەرگە ئازادلىق، ئەركىنلىك ھېس قىلدۇراتتى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقى يۈسۈپكە چۈشۈنۈشلۈك بولغاچقا، «ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھايۋانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەندىلا، ئاندىن ئاقىل ھېسابلىنىدۇ، ئىنسان ئاقىل بولمىسا، ھايۋاندىن پەرقى بولماي قالىدۇ. بۇغرا قاراخان بۇنى چۈشىنىشىمىزگە يول ئېچىپ بەردى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ» دەپ ئويلىدى. ئۇ ئاتىسى بىلەن ئوردىنىڭ خىشلىق يولىدا پىيادە كېتىۋاتاتتى، ئاتلارنى ئادار، يارۇقلار ئاتخانىغا ئېلىپ كېتىشكەنىدى.
ئۇلار دىۋانخانىغا كىرىپ، بۇغرا قاراخاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى. بۇ مەرمەر تۆۋرۈكلۈك كاتتا ئىشخانىدا ئوردا ئەربابلىرى دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرەتتى. رەيھاندىن يۇغۇرۇش بېشى بولغانلىقتىن ئۇلارنى نازارەت قىلاتتى. تۇغانخان سانى سەمەرقەنتكە كەتكەندە نائىب ئېلىكخان بولغان ئىنائىچۇق تېگىن ھازىر دىۋانبېگى بولغانىدى. ئۇ دىۋاننىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇراتتى، رەيھاندىن بىلەن يېقىن ئىدى، ئۇنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللاپ كەلگەنىدى. ئىنائىچۇق تېگىن رەيھاندىننىڭ بىر خوش چىراي ئۆسمۈر بالا بىلەن كەلگىنىنى كۆرۈپ، ئەجەبلەنگەن ھالدا ئالدىغا كېلىپ ئۇلار بىلەن سالاملاشتى. يۈسۈپنىڭ تەۋەززۇ بىلەن قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ تۇرغىنىغا مەستلىكى كېلىپ:
— بۇ ئەدەپلىك يىگىت كىم بولىدۇ؟ — دەپ سورىدى.
— ئوغلۇم بولىدۇ، ھۆرمەتلىك دىۋانبېگى. — قانىتىڭىز ئىكەن — دە، يۇغرۇش بېشى. — شۇنداق، دىۋانبېگى، ئۇ مېنىڭ تايانچىم، ئىز باسارىم. ئىنالچۇق تېگىننىڭ سوئال نەزىرى بىلەن قارىشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن رەيھاندىن كېلىش سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى: — بۇغرا قاراخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن، شۇڭا ئېلىپ كېلىۋېدىم. ئېيتى يۈسۈپ. — مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن، بۇ بالىنىڭ بۇغرا قاراخان بىلەن تونۇشلۇقى بار ئىكەن — دە. ياش تۇرۇپ، ئەجەب… چىرايىدىن كەلگۈسىدىكى بۈيۈك بىلگىنىڭ سىيماسى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، مۇرادىغا يەتكۈزگەي! — رەھمەت، ھۆرمەتلىك دىۋانبېگى. شۇ چاغدا ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى. ھەممىلەن قول قوۋۇشتۇرۇپ ئۇنىڭغا تەزىم بەجا كەلتۈردى. رەيھاندىن يۈسۈپنى يېتىلىگەن ھالدا ئالدىغا بېرىپ سالام بەردى: — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەلىكۇل مەشرىق. قۇتلۇق قەدەملىرى سائادەت ئاتا قىلغۇسى. — بۇغرا قاراخان ئاتا، ئالىملىرى بىلەن يەنە دۆلەت كۆرۈشتۈرگەن تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن، — دېدى يۈسۈپمۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن. يۇغرۇش، سۇباشىلار بۇ ئۆسمۈرنىڭ جۈرئىتىگە، پاساھىتىگە قايىل بولۇشۇپ باشلىرىنى لىڭشىتىپ قويدى. — مەنمۇ تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن، بالام، ئۈسۈپ كاتتا يىگىت بولۇپ قاپسەن، تەڭرىم بېشىڭنى ئاسمانغا يەتكۈزسۇن. قېنى، بۇ ئالىپ بىلەن كۆرۈشكۈن. ئېيتى ئىبراھىم تېگىن، جىيەن ئوغلۇم بولىدۇ، يەنە بىر ئېيتى بۆرە تېگىن. يۈسۈپ بېشىغا دۇبۇلغا، ئۈستىگە ساۋۇت كىيىپ گۈرزە
كۆتۈرۈۋالغان بويىلوق يىگىتكە قول ئۇزارتتى. — مەلىكە ئادىرا ئابامدىن تەرىپىڭىزنى ئاڭلاپ دىدار كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم. — مەن سىز توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. ئېيتىڭىز نېمە؟ — بۆرە تېكىن قولىنى بېرىپلا قايتۇرۇۋالدى. — يۈسۈپ. بۇغرا قاراخان ئۇلارنى ئىستىراھەتخانىسىغا باشلاپ كىردى. ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، مۇلازىملارغا شەربەت كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. يۈسۈپ بۇغرا قاراخاننىڭ يېنىدا گۈرزە بىلەن قىلىچىنى تىزىغا توغرىسىغا قويۇپ ئولتۇرغان بۆرە تېكىنگە سەپالدى: بۆرە تېكىننىڭ كۆزلىرى چوك، غەلىتە، قارىمۇ ئەمەس، چىقىرمۇ ئەمەس، قىزغۇچ كۆك بولۇپ، مىنەپىشە رەڭ ئۇچقۇن چاچراپ تۇراتتى. ئەگىم قاشلىرى، خەت تارتقان بۇرۇتلىرى قوندۇزدەك قارا ئىدى. ئىككى ئۇچلوق، يۈزى سوزۇنچاق بولۇپ، ساقال بېسىپ كەتكەنىدى، بۇ چاغقىچە تىغ تەگمىگەندەك قىلاتتى، تۇرقىدىن كۈچتۈڭگۈر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق ئىدى، قارىغان كىشىنى سۈر باساتتى. بۆرە تېكىن يۈسۈپكە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن شۇنداقلا قاراپ قويدى. — بۆرە تېكىن دېگەن نامىڭىزغا يارىشا جاسارەتلىك ئىكەنسىز، قىياسىم توغرا چىقتى، — دېدى يۈسۈپ. بۇغرا قاراخان بىلەن رەيھاندىن كۆز سوقۇشتۇرۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يارىشىغا سەۋەب بولۇپ ئولتۇردى. — سىز جەڭگە قاتناشقانمۇ، بەگ يۈسۈپ؟ — ياق، مەدرىسەدە ئوقۇۋاتىمەن. — تالىپ ئىكەنسىز — دە. — شۇنداق، شاھزادە. — مەنمۇ مەدرىسەدە ئىككى يىل ئوقۇغان، كېيىن ئوقۇغۇم
كەلمەي، شىكار قىلىش بىلەن بولۇپ كەتتىم، جەڭ ماھارىتىنى ئۆگەندىم، قىلىچۋازلىق، گۈرزە ئۇرۇشتا ماڭا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ.
— مېنىڭ ئوقۇپ بۈگۈ بىلگە بولغۇم بار، جەڭ قىلغۇم يوق.
بۆرىتېگىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، بۇ كۈلكە رازىمەنلىك كۈلكىسى بولماستىن، مەسخىرە كۈلكىسى ئىدى. ئۇنىڭ قىسىلغان كۆزلىرىدىن بىنەپشە رەڭلىك ئۇچقۇنلار چاچراپ، يۈز - بويۇنلىرىدىكى مويلار تىكەنلىشىپ كەتتى. چىرايى قورقۇنچلۇق تۇس ئالدى، بەجايىكى بۆرىگە ئوخشاپ قالدى.
— بۈگۈ بىلگە جەڭ قىلالمايدۇ، ئادەم ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شەھەر ئالالمايدۇ، ھا - ھا - ھا …
— بەس، ئىبراھىم! — دېدى يۈسۈپ قادىرخان، — بۈگۈ بىلگە قان تۆكۈشنى، شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشنى خالىمايدۇ. ئىنسانلارنى تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ، بۇ جەھەتتە سەن يۈسۈپتىن ئۆگىنىشىڭ كېرەك.
— مېنىڭ ئارزۇيۇم بۈگۈ بىلگە بولۇش ئەمەس، بۇغرا قاراخان بولۇش! — بۆرىتېگىن ئالدىدىكى بىر جام شەربەتنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى.
— بۇغرا قاراخان بولۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال بىلىم ئۆگىنىپ دۇنيانى بىلىش، ئۆزۈڭنى بىلىش كېرەك، ئادەمنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىشىڭ زۆرۈر، شاھزادە. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، بۇغرا قاراخان بولغىلى بولمايدۇ، بولغان تەقدىردىمۇ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ.
— سىز ئۆگەتكەيلى قويۇڭ، قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن!
— بولدى، تالاشما ئىبراھىم! يۈسۈپنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ كۆر! — دېدى بۇغرا قاراخان. ئاندىن رەيھاندىنغا قاراپ «مانا كۆردىڭىزمۇ، بۇ ئىككى ياش بىر - بىرىگە يول قويىدىغاندەك ئەمەس» دېگەندەك مەنىدە باش چايقاپ قويدى.
— ئالىيلىرى، مىلىكە ئادىرا خېنىم ئوردىغا كەپتىمۇ، يېڭى
ھىساردىمۇ؟ سورىدى رەيھاندىن سۆز يۆتكەپ. ئۇنىڭ بۇ توغرۇلۇق بىلگۈسى، ئوغلىنىمۇ خەۋەردار قىلغۇسى بار ئىدى. يۈسۈپنىڭ قۇلاقلىرى دىڭ بولدى. ھەمشىرەم ھازىر يېڭى ھىساردا ئىستىقامەت قىلىۋاتىدۇ. مەن سەپەرگە تەككە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن ئىبراھىم تېگىن بېرىپ كۆرۈشۈپ كەلگەنىدى، ئوبدان تۇرۇپتۇ. شۇنداقمۇ بالام؟ بۇغرا قاراخان ئوغلىغا قارىدى. ناھايىتى ئوبدان تۇرۇپتۇ، قاراخان ئاتا، دېدى بۆرە تېگىن. ئۇنىڭ سۈرۈن چېھرىدە كۈلكە پەيدا بولدى. بايقا جىددىيلىك ۋۇجۇدىدىن كۆتۈرۈلۈپ مۇلايىملىشىپ قالدى، مەلىكە ئاپام پات ئارىدا دۇئا تەلەپتىن فارىغ بولۇپ، بۇ ئەتراپتىكى چۆللۈكتە ماكانلىشىمەن، قوزغوردۇغا قايتمايمەن، دېدى. مەن ئامالسىز يېنىپ كەلدىم. قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرغان مازاردا قانداقمۇ تۇرغۇسى كېلىدىغاندۇ، بىلمىدىم. مەلىكە بۇ دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن، بالام. ئۇ ئۆزىنى بۇ دۇنياغا تەئەللۇق دەپ قارىمايدۇ، شۇڭا قۇملۇق چۆلدە ئۆزىنى تەڭرىگە يېقىن ھېسابلايدۇ، بۇغرا قاراخان ئېغىر تىندى. ئۇ بۆرە تېگىننىڭ مەلىكە ئادىرانى ئانا ئورنىدا كۆرۈپ قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن تېخىمۇ ئېنىق بىلدى. بولمىسا، شۇنداق قوپال مىجەزلىك بۇ بالا ئۇنىڭ ئېتىنى ئاغلاپلا مۇلايىملىشىپ قالارمىدى؟ يۈسۈپ ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىنى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كۆڭلىگە ئالمىدى. «مەلىكە ئاپام پادشاھلارغا ئىنساب تىلەپ ئىستىقامەت قىلىۋېتىپتۇ، بۇنى بۆرە تېگىن چۈشىنەمدىكىن؟ نېمىلا دېگەنبىلەن قوپال، كۆرىكى بولسىمۇ، ئوچۇق يورۇق، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرمايدىغان قارام يىگىت ئىكەن. ھۆكۈمران بولۇشقىلا ئىنتىلىدىكەن. بۇنداق ئادەملەرنىڭ باغرى قاتتىق كېلىدۇ، دوستلىشىش قىيىن…» «بۇغراخان مەدرىسىسى» دە ئوقۇش ئوقۇتۇش ئىشلىرى
قانداق كېتىۋاتىدۇ، بالام؟
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بۇ سوئالى يۈسۈپنى خىيالىدىن ئۆزىگە كەلتۈردى. ئۇ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ جاۋاب بەردى:
— تالىپلار كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇستازلار دەرسنى ياخشى تەييارلاپ، بىلگىنىنى ئايىماي تەقدىم قىلىۋاتىدۇ. ئۇستازلارمۇ، تالىپلارمۇ ئالىيلىرىدىن ناھايىتى مىننەتدار، بۇغرا قاراخان ئاتا.
— مەندىن ئەمەس، سەندىن مىننەتدار بولۇشى كېرەك. ئەگەر سەن قارىخانىنى مەدرىسە قىلىش توغرۇلۇق ماڭا تەلەپ قويمىغان بولساڭ «بۇغراخان مەدرىسەسى» دۇنيادا بەرپا بولمىغان بولاتتى.
— ياق، بۇغرا قاراخان ئاتا. مەدرىسە قۇرۇش بىرلا مېنىڭ تەلىپىم ئەمەس، مىڭلىغان بالىلارنىڭ تىلىپى. شۇڭا، بۇ تىلىپىمىزنى ئورۇنلىغان ئالىيلىرىدىن مىننەتدار بولۇشىمىز دۇرۇس.
— سېنى كىچىك بالا دېسە، كۆرمىگەن ئادەم ئىشەنمەيدۇ، يۈسۈپ. چوڭ كىشىلەردەك پىكىر قىلىدىغان بولۇپ كېتىپسەن. سېنى تەربىيەلىگەن ئۇستازلارغا ئوردىكىنەتكە كەتكۈچە سالام بېرىپ كەلمىسەم ۋىجدانىم ئالدىدا ئازاب تارتىپ قالغۇدەكمەن.
چاقچاق ئارىلاش قىلىنغان بۇ گەپ يۈسۈپنى سۆيۈندۈرۈۋەتتى:
— مەدرىسەگە قەدەم تەشرىپ ئەتسىلىرى، ئۇستازلارنىڭمۇ، تالىپلارنىڭمۇ بېشى ئاسمانغا يەتكەن بولاتتى، بۇغرا قاراخان ئاتا.
— يەنە قانداق تىلىپىڭ بار، بالام؟
— مېنىڭ تىلىپىم — دۇنيادا جەڭ بولمىسا.
— تەڭرىم، بۇ تىلىكىڭگە يەتكۈزسۇن بالام.
بۆرە تېگىنىڭ گۆشلۈك قاپىقى تۈرۈلدى، چاچ — ساقاللىرى تىكەنلەشتى:
— ھەممە ئادەم بۈگۈن بىلگە بولۇپ، دۇنيادا جەڭ بولمىسا،
ئالىپ، قەھرىمانلار قانداق مەيدانغا كېلىدۇ؟ پادىشاھ قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟
يۈسۈپ سۆزلەيمۇ، دېگەن مەنىدە بۇغرا قاراخانغا قارىدى. ئۇنىڭ بۇ قارىشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن يۈسۈپ قادىرخان سۆزلە، دېگەن مەنىدە كۆز ئىشارىتى قىلدى. رەيھاندىنمۇ باش لىڭشىتتى.
— ھەممە ئادەمنىڭ بۈگۈن بىلگە بولۇپ كېتىشى ناتايىن، شاھزادە، ھەم مەڭگۈ ئۇنداق بولمايدۇ. ئەمما، بىلىمسىز بۈگۈن بىلگىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، نادانلارنىڭ سانى ئازىيىپ بارىدۇ. ئادەملەرنىڭ تىنچ — ئامانلىق ۋاقتى ئۆزۈرۈپ، جەڭگە — جېدەل ۋاقتى قىسقىرايدۇ. قەھرىمان — ئالىپلار جەڭگاھلاردىلا بارلىققا كەلمەي، تىنچ شارائىتتىمۇ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇلار تۆھپىكارلار، خالىس خىزمەت قىلىشنى شەرەپ بىلىدىغانلاردۇر! ياخشىلىق قىلىشنى خوشاللىقىم، سائادىتىم، دەپ قارىغۇچىلاردۇر! يېتىم — يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغۇچى، موھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغۇچىلاردۇر! — دېدى يۈسۈپ تېمىسكەن ھالدا راۋان سۆزلەپ.
— بارىكاللا، بارىكاللا، بالام. بۇ قىممەتلىك سۆزلىرىڭ بىلەن قاراڭغۇ كۆڭلىمىزگە چىراغ يېقىۋەتتىڭغۇ! — بۇغرا قاراخان يۈسۈپنى ئۆزىگە تارتىپ پېشانىسىگە سۆيدى ۋە بۆرە تېكىنگە نەزىرىنى يۆتكەپ، — سەن بەك ساددا ئىكەنسەن، ئارسلانىم. كىتاب ئوقۇشقا خوشۇڭنىڭ يوقلۇقى، گۈرزە، قىلىچقا ھېرىسلىقىڭنىڭ ئاقىۋىتى سېنى مەغلۇپ قويۇپتۇ. بۇنداق كېتىۋەرسەڭ بولمايدىكەن. كىتابنى دوست تۇتقىن، يۈسۈپتىن ئۆگەنگىن، — دېدى.
بۆرە تېكىن كۈلۈۋەتتى.
— مەن مۇشۇ گۆدەك تالىپتىن ئۆگىنەمدىمەن؟ — ئۇ قولىدىكى شەربەت قويۇلغان جامنى مىجىپ داستىخانغا ئاتتى — دە، يۈسۈپكە تەھدىتلىك قاراپ دۇمبىيىۋالدى.
— پېقىر دېگەنلىرىمنى ئويدۇرۇپ چىقارمىدىم. «قۇرئان
كەرەم» نىڭ تەسىرىنى ئوقۇپ، دۇنيانى، ھاياتنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. يۈزدىن ئارتۇق ھەدىسنى يادلىۋالدىم ۋە مەنپەئەتلىك، كۆرەڭلىكنىڭ ئىنسان ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. فارابى ھەزرەتنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر كىشىلىرى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ، تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەپ نادانلىقتىن قۇتۇلغاندىلا، پەزىلەتلىك، ياراملىق شەھەر ئادىمى بولالايدىغانلىقىنى بىلدىم، بۇغرا قاراخان ئاتا. لېكىن، بۇ ئۆگەتكەنلىرىم ئۆگەنمەكچى بولغانلىرىمغا نىسبەتەن تامچە، بەك ئاز، بەك ئاز، يۈسۈپ، توغرا دېدىمۇ دېگەندەك قىلىپ مېھرى بىلەن تىكىلىپ ئولتۇرغان ئاتىسىغا ئەيمىنىش نەزىرى تاشلىدى.
رەيھاندىن بۇغرا قاراخان نېمە دەيدىكىن، دەپ زوۋان سۈرمەي باش لىڭشىتىپ، ئوغلىنىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلىدى.
توغرا دەيدۇ، بالام. يېپىشقا باققاندا ئۆگەنگەنلىرىڭ ئاز ئەمەس ئىكەن. بۆرە تەگكەن راستلا سېنى ئۆلگە قىلىپ ئۆگەنسە بولغۇدەك.
نېمە دەۋاتىلا، بۇغرا قاراخان ئاتا. بىلمەكچى بولغانلىرىمنى ئاللا ماڭا بىلدۈرۈپ بولغان، بۇ تالىپ گۆدەكتىن ئۆلگە ئېلىپ ئۆمرۈمنى مەدرىسىدە ئۆتكۈزسەم قانداق بولىدۇ؟ مەن جەڭگاھتا تۇغۇلغان. بۆرىلەر ئارىسىدا ئۆسكەنمەن. مېنىڭ ئورنۇم مەدرىسە ئەمەس، ئوردا، ئالتۇن تەخت، بۆرە تەگكەن چاچراپ تۇرۇپ ئىستىراھەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.
بۇ بالا ئەركە چوشقا بولۇپ قالدى، يۇغرۇش، ئاتا ئانىسى يوق دەپ مەيلىگە قويۇپ بەرگىنىمنىڭ ئاقىۋىتى بۇ. بىراق، ئۇ ناھايىتى قەيسەر. سەمەرقەنتتىكى جەڭدە ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكىنى ئېسىڭىزدۇ؟ ئۇ ھۆكۈمرانغا خاس جاسارەتكە ئىگە، مەن مۇشۇ جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاۋاتىمەن، پادىشاھ، قاراخان بولغۇچىلىقى بار، يۈسۈپ قادىرخان ئەجەبلىنىپ قېلىشقان رەيھاندىن بىلەن يۈسۈپنى مۆلجەرلەپ يېڭى ئېلىپ كىرگەن قوغۇن تاۋۇزنى يېيىشكە تەكلىپ
قىلدى. ئۇ بۆرە تېگىننىڭ مىجەز - خاراكتېرىدىكى نۇقسانلارنى ئېيتىپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى ئۆزگەرمەس يامان خۇينى تىلغا ئالمىدى. ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىنىدىغان كۆرەڭ مىجەزى يېقىپ قالغانمۇ ياكى قانداشلىق تەرەپتىن قانات ئاستىغا ئالغۇسى كەلدىمۇ، بۆرە تېگىننى ئەيىبلىمىدى. رەيھاندىنمۇ بۇ توغرۇلۇق سورىمىدى، يۈسۈپمۇ ئېغىز ئاچمىدى.
— بالام، يازغان ئەسەرلىرىڭنى ئاڭلاپ باققۇم بار، — بۇغرا قاراخاننىڭ بۇ سۆزى يۈسۈپنى ھاياجانلاندۇرۇپ قويدى. يۈسۈپ سەل تارتىنغاندەك بولۇپ ئاتىسىغا كۆز تىكتى، ئاتىسى:
— ئوقۇپ بەرگىن، بالام. يەتتە ياشتىن باشلاپ شېئىر يېزىشنى مەشىق قىلىشقا كىرىشكەنتىڭ. يازغانلىرىڭدىن ئەڭ ياخشى چىققانلىرىنى مەلىكۇل مەشرىققە ئوقۇپ بەرگىن. نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە، شېئىرىي تىلىڭ نەپىسلىشىپ، مەزمۇنى چوڭقۇرلاشسا ئەجەب ئەمەس، — دېدى رەيھاندىن مەدەت بېرىپ.
يۈسۈپ بۇ ۋاقىتقىچە يازغانلىرىنى پىشىپ يېتىلگەن شېئىر، دەپ ھېسابلىمايتتى. باشقىلارغا ئوقۇپ بېرىپ ماختىنىشنى تېخىمۇ خالىمايتتى. مۇشۇ تاپتا ئىككى خىيال بولۇپ تارتىنىپ تۇرۇشمۇ شۇ تۈپەيلى ئىدى. لېكىن، بۇغرا قاراخان ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈۋاتسا، ئاتىسى دەۋەت قىلىۋاتسا، قانداقمۇ ئوقۇپ بەرمەي تۇرالىسۇن. يۈسۈپنىڭ ماڭلاي تومۇرلىرى كۆپۈپ، قوشۇمىسى تۈرۈلدى. مېڭىسىگە قان يۈگۈردى. كۆزلىرى قىسىلىپ، لەۋلىرى تىترەپ، مۇشتۇملىرى تۈگۈلدى. يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، تېنى قىزىپ كەتتى… ئۇ ئويغا غەرق بولغاندا، يېزىشقا باشلىغاندا ئەنە شۇنداق ھالغا كېلىپ قالاتتى. ئاخىرى پىشقان، مەزمۇن ۋە بەدىئىي جەھەتتىن ۋايىغا يەتكەن مىسرالار كۆڭۈل دەپتىرىدىن تاللىنىپ، سەل ئېچىلغان ئاغزىدىن راۋان بولدى:
بىلىمنى بۈيۈك بىل، ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككىسى يۈكسەلدۈرەر قۇلنىمۇ تولۇق..
بۇ سۆزگە گۇۋاھدۇر تۆۋەندىكى سۆز، بۇ سۆزنى ئېشىتكىن، سۆزۈڭ بوندا كۆز.
ئەقىل قەيەردە بولسا، ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىدۇ، بىلىم كىمدە بولسا، ئۇ بۈيۈكلۈككە ئىگە بولىدۇ.
ئەقىللىك ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۇر، بىلىملىك، ئەقىللىك تىلەككە يېتۇر. ①
— بارىكاللا، بالام يۈسۈپ، بۇ مەسنەۋىلەرنى ئاڭلاپ بىلىمنىڭ قەدرىگە تېخى يېتەلمىگەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئىبراھىم تېگىنمۇ ئاڭلىسا بوپتىكەن، ئەپسۇس، چىقىپ كېتىپ قالدى. رەيھاندىن ئۇنىڭ ھەمىشە بۇ جىيەن ئوغلىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئاتاپ گەپ قىلغىنىغا قاراپ، بۆرە تېگىن دېگەن نامنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. يۈسۈپمۇ بۇنى سەزدى. — ئالىيلىرىنىڭ ئاڭلىغىنى — پۈتۈن ئاۋامنىڭ ئاڭلىغىنى. بۇ ئوغلۇم ئۈچۈن مەدەت ۋە ئىلھام، خاقانىم. ئىبراھىم تېگىن بۈگۈن ئاڭلىمىسا ئەتە ئاڭلاپ قالار، — دېدى رەيھاندىن ئىچى تىتىلداپ قالغان بۇغراخاننىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ. — ياق، ئۇنى چاقىرتىمەن، ياش بۆگۈ بىلگىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقسۇن.
① «قۇتادغۇ بىلىك» 152-، 153-، 154-، 155-بېيىتلەر. بۇ ئەسەردىكى مەنبەسى كۆرسىتىلگەن بېيىتلەر ئۈچۈن «قۇتادغۇ بىلىك» (نەزمىي يەشمىسى)، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى 5-ئاي نەشرى، «قۇتادغۇ بىلىك» (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوقۇلغۇسى ۋە نەسرىي يەشمىسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2013-يىلى 11-ئاي 1-نەشرىدىن پايدىلىنىلدى.
يۈسۈپ قادىرخان ئىستىراھەتخانىنىڭ ئىشىكىدە تۇرغان ئەمرى جاندارغا: — ئىبراھىم تېكىننى دەرھال چاقىر! — دەپ بۇيرۇدى. ھايال بولماي ئىبراھىم تېكىن كىردى. — بۇغرا قاراخان ئاتا، خىزمەتلىرىگە تەييارمەن. — ئولتۇرۇپ بۇ ئۈچۈنچى نەزملەرنى ئاڭلىغىن. — مەن نەزملەرنى ئوقۇپ زېرىككەن، ئاڭلىغۇم يوق. — بۇ سەن ئوقۇغان ئىشق-مۇھەببەت نەزملىرىگە ئوخشايدۇ. بىر ئاڭلاپ باق! — بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ دېدى يۈسۈپ قادىرخان. بۆرى تېكىن خوشياقمىغان ھالدا ئولتۇردى. — قېنى بالام، باياقى مەسنەۋىلەرنى يەنە بىر ئوقۇغىن. يۈسۈپ لەرزان ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ بەردى. — ئاڭلىدىڭمۇ، قانداق ئىكەن بالام؟ — يۈسۈپ قادىرخان جىم بولۇپ قالغان ئىبراھىم تېكىندىن سورىدى. — ئاڭلىدىم، بىلىكىنى مەھسىيەلەپتۇ، — ئىبراھىم تېكىن بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈسۈپكە قاراپ قويدى. — بالام، يەنە ئوقۇغىن، ئاڭلىغانسېرى ئاڭلىغۇم كېلىۋاتىدۇ. — مەن كۆككەم توغرىسىدا يازغان نەزملىرىمدىن ئوقۇپ بېرەي، — يۈسۈپنىڭ لەرزان تىترەك ئۈنى ئىبراھىم تېكىننى ئۆزىگە قاراتتى:
كۆكۈش①، تۇرنىلار كۆكتە ئۈننى ياڭرىتىپ، تۆگە كارۋىنىدەك تىزىلىپ، پەرۋاز قىلىپ ئۇچىشىدۇ.
ئۇلار قوشى خۇددى ئىپپەتلىك قىز ئۆز سۆيگۈنىنى چاقىرغىنىدەك
يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ھەمراھىنى ئۈندىمەكتە.
① كۆكۈش — بىر خىل قۇشنىڭ نامى.
كەكلىك قاقاھلاپ كۆلگەندەك ئونلۇك سايرىدى، ئۇنىڭ ئاغزى قاندەك قىزىل، قېشى قاپقارا.
قارا قۇشقاچ نەيزىدەك تۇمشۇقىنى سوزۇپ سايرىدى، ئۇنىڭ ئۈنى ئەركە قىز ئۈنىدەك يېقىملىقتۇر.
ئېلىك، تاغ ئۆچكىسى چىچەكلەر ئۈستىدە ئويناشماقتا، بۇغا، مارال ئېغىنىپ، قېيغىشىپ، كېزىپ يۈرمەكتە.
ئاسمان قاپقىنى تۇرۇپ، كۆزىدىن ياش تۆكتى، يەنە، چىچەكلەر يۈز ئېچىپ، قاقاھلاپ كۈلدى.
بۇ پەيتتە دۇنيا ئۆز - ئۆزىگە بېقىپ، مەغرۇرلىنىپ، سۆيۈنۈپ ياسىداق ئەتراپقا قاراپ.
دۇنيا سۆز ئېچىپ، ماڭا يەتكۈزۈپ، دېدىكى، بۇ خاقاننىڭ يۈزىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئۇخلاپ قالغان بولساڭ، تۇر، ئەمدى كۆز ئاچ، ئاڭلىمىغان بولساڭ، ئەمدى مەندىن سۆز ئاڭلا.
تۈمەن يىلدىن بېرى سولغۇن قۇل ئىدىم، ئەمدى قۇللۇق تونى يېشىلىپ، ئاق سۆسۈندىن كىيىملەر كىيدىم.
بېزەندىم، چۈنكى ئۇلۇغ خاقان بېگىم بولدى، ئۇ تىلىسە جېنىم قۇربان بولسۇن، دەپ ئۆتۈندۈم.①
① «قۇتادغۇ بىلىك» 74 -، 75 -، 76 -، 77 -، 79 -، 80 -، 81 -، 82 -، 83 -، 84 -، 85 - بېيىتلەر.
— نېمىدىگەن پاساھەتلىك نەزم بۇ. دۇنيا باھارى شۇنداق نەپىس سۈرەتلەنگەن تۇ. شىكارغا چىققان ۋاقىتتىكى تەبىئەتنىڭ ھاياتبەخش قۇچىقىغا تاشلانغاندەك بولدۇم. سەنچۇ بالام؟ — ھاياجانلىنىپ قالغان يۈسۈپ قادىرخان بېشىنى سىلاپ يان قىلىپ بۆرە تېگىن كۆتتى.
— بالا چاغىمدا بۆرىلەر بىلەن يۈرگەن جىلغىنىڭ سېھىرلىك مەنزىرىسى كۆز ئالدىمغا كەلدى، بۇغرا قاراخان ئاتا، — بۆرە تېگىن خىيالچان ئولتۇرغان يۈسۈپكە كۆز تىكىپ قوشۇپ قويدى، — بۇ نەزمنىڭ ئەجەبلىنەرلىكى يەنە بىر يېرى — دۇنيا باھارى قاراخانلار، بۇغراخانلار ئۈچۈن جامال ئاچقاندەكلا ئەمەسمۇ. ئاجايىپ كېلىشتۈرۈپ يېزىپتۇ. يۈسۈپ كىچىك بولسىمۇ، تەپەككۇرى كۈچلۈك ئىكەن.
يۈسۈپ قادىرخان كۈلۈمسىرەپ ئونىڭ بېشىنى سىلىدى.
— سەن زېرەك ھەم باتۇر، بۇنىڭدا گەپ يوق. ئەمما، بىلىمىڭ كەمچىلىك قىلىدۇ، بالام. ئۆگەنمىسەڭ بۇغرا قاراخان بولالمايسەن. بۇ توغرۇلۇق يۈسۈپ نەزمىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن، سەنەمۇ بۇنى چۈشەنگەندەك تۇرىسەن. ئوغلۇم، سۇباشى تۆمۈربۇقا نەسرىدىنبەگ بىلەن سەمەرقەنتكە بارغىنىڭدىن كېيىن، بىر مەزگىل بىلىم تەھسىل قىل، ماقۇلمۇ؟
— زېرەك، باتۇر بولغىنىم يەتمەمدۇ، بۇغرا قاراخان ئاتا؟ يەنە ئۆگىنىشىم زۆرۈر بولسا، سەمەرقەنتكە بارغاندا مەدرىسەدە ئوقۇپ بىلىم ئالاي. بىراق، ھەر ھەپتىسى بىر نۆۋەت شىكارغا چىقىشىمغا ياردەمدە بولۇشنى سۇباشى تۆمۈر بۇقا نەسرىدىنبەگكە تاپىلاپ قويسىلا.
— ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ، بالام، — يۈسۈپ قادىرخان بۆرە تېگىننىڭ مۈرىسىگە قاقتى، — ئوغلۇم، مۇھەممەد ئارسلانخان قوزغوردۇغا كېلىشى بىلەنلا، سىلەرنى سەمەرقەنتكە ئۆزۈتۈپ ئوردۇكەنتكە قايتىمەن. تېمىنمۇ كۆپ بولغىن، بالام.
— تېمىن بولىمەن، دەپ ئوردىدىن چىقماي ئولتۇرالمايمەن،
ئاتا. بەگىيۈسۈپ بىلەن شىكارغا چىقىپ كېلەي. بىرنەچچە كۈندىن بېرى ئۆز - نەسىھەتنى تولا ئاڭلاپ بەك زېرىكىپ قالدىم.
بۇغرا قاراخان يۈسۈپكە سىنچى نەزىرى بىلەن باقتى.
— مەنۇ شىكار قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، — يۈسۈپ ئوچۇق چىراي بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.
— ئات مىنەلەمسىز؟ — سورىدى بۆرە تەگكەن تازا مەنىسىزگىندەك قىلىپ.
— مەن ئالتە يېشىمدىلا ئات مىنىشنى ئۆگەنگەن.
— ئوقيا ئاتالامسىز؟
— ئوغلۇم ئوقيا ئېتىشنى، قىلىچۋازلىقنى، گۈرزە ئۇرۇشنى ياخشى بىلىدۇ، شاھزادەم. شىكارغىمۇ كۆپ چىققان، — دېدى رەيھاندىن تارتىنىپ قالغان يۈسۈپنىڭ ئورنىغا جاۋاب بېرىپ، — شىكاردا ئالىيلىرىغا ئوبدان ھەمراھ بولالايدۇ.
كىتاب ئوقۇشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان شاھزادە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.
2
كەچ كۈزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆتمەكتە ئىدى. بۈگۈن سەھەردىن باشلاپلا بالاساغۇن ئاسمىنىنى قويۇق تۇمان قاپلىۋالدى. ئاقۇچ ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان چۆدەرىياسىدىن ئەسكەن سوغۇق شامال ئۆشۈككە تەگكەن گۈل - گىياھ، دەر - دەرەخلەرنى شىلدىرلىتىپ، «قوۋۇقى كاشغەر» دىن غۇڭىراپ كىرىشكە باشلىغاندا، رەيھاندىن باشلىق ۋەزىر - ۋۇزۇرالار، ئوردا ياساۋۇللىرى بالاساغۇن شەھىرىدىن چىقتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە ئونبەش، يىگىرمە بار ئىدى. ئۆز نۆكەرلىرى بىلەن ئايرىم سەپ تۈزگەن بۆرە تەگەن ئېتىنى دەۋتىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى ۋە شۇ ماڭغانچە يەتتە چاقىرىم يول بېسىپ ئاچا يول ئېغىزىدا توختىدى.
سىم - سىم يامغۇر ياققىلى تۇردى. غۇلاملار بۆرە تېگىن ۋە يۆگرۈشلەرنىڭ باشلىرىغا كۆلەڭگە تۇتۇشتى. يامغۇر بىردەم توختاپ، بىردەم يېغىپ، يول ئۈستىنى سۇ سەپكەندەك كۆك مۇز قىلىۋەتتى. پات - پات گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقاتتى. يېرىم سائەت ئۆتمەي سول ياندىكى يىراق يولدىن كېلىۋاتقان سىپاھىلارغا كۆزى چۈشكەن ئۆدمىش توۋلىۋەتتى:
— كەلدى! مۇھەممەد ئارسلانخان ئالىيلىرى كەلدى!
بۆرە تېگىن بويۇنداپ، خېلىلا يېقىن كېلىپ قالغان تورۇق ئات ئۈستىدىكى مۇھەممەد ئارسلانخاننى كۆردى.
رەيھاندىن ھەمراھلىرى بىلەن ئون بىر قەدەم ماڭغاندا، مۇھەممەد ئارسلانخان تىزگىننى تارتىپ ئاتنى توختاتتى. ئاۋۋال بۆرە تېگىن قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام بەردى، ئاندىن رەيھاندىن باشلىق ۋەزىر، ئەمىرلەر، ياساۋۇللار تەزىم قىلىپ تىزىلاندى.
— قوزغۇردۇغا كەلگەنلىرىنى بەجاندىل قارشى ئالىمىز ئالىيلىرى! قۇتلۇق قەدەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
— بۇغرا قاراخان ئاتامدىن مىننەتدارمەن، — مۇھەممەد ئارسلانخان ئېتىنى يورغىلىتىپ قارشى ئېلىشقا چىققۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بۆرە تېگىن قامچا ئۇردى. دوقاقبەگمۇ ئارقىدىن ئەگەشتى.
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خانىش - توقاللىرى چۈشكەن ئېگىز چاقلىق، ئۈستى يېپىق ھارۋىلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا رەيھاندىن ئېتىغا مىندى. ئۇ ئۆزۈن سەپ تۈزۈپ كېلىۋاتقان سىپاھىلاردىن كېيىن قېلىشنى خالىماي، ۋەزىر - ۋۇزۇرالار بىلەن ياندى. ئىككىنچى ھارۋىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كېتىۋاتقان ئاغۋات ئۇنىڭغا تونۇشتەك بىلىندى، ئەمما ئېنىق تونۇيالمىدى. ئاق پوسمىلاق، پاكار، پالكۆز بۇ ئادەمنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدى — ياق، بىر چاغلاردا كۆرگىنى ئاغۋات بولمىغىنى ئۈچۈن ئېسىگە ئالالمىدى. «بۇلۇنبەگكە ئەجەب
ئۇخشايدىكەن، بىر - بىرىگە مۇنداق ئوخشايدىغان ئادەمنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغانىدىم، توۋا خۇدايىم…» دەپ ئويلىدى ئۇ ئاۋاتىنىڭ كەينىدىن قاراپ. يۈسۈپ قادىرخان ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن بۆرە تېگىندىن ئوغلۇنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوردا ئىشىكى ئالدىغا چىقىپ تۇرغانىدى. مۇھەممەد ئارسلانخان يىراقتىن ئاتىسىنى كۆرۈپ، ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە ماڭدى. ئارقىسىدىكى دوقابەگ باشلىق ئاكابىر - ئەشرەپلەرمۇ ئاتتىن چۈشۈپ قول باغلاپ مېڭىشتى. ئاتىسىغا ئۈچ قەدەم قالغاندا مۇھەممەد ئارسلانخان سېلىپ قويۇلغان پايانداز ئۈستىدە تىزلىنىپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۈزرۈكۋارىم، دىدارلىرىغا يەتكۈزگەن تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم، كەلگىنىڭدىن مەنمۇ ئەمەس پۈتۈن قۇزئوردۇ خەلقى سۆيۈنمەكتە. ئاۋامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغايسەن، — يۈسۈپ قادىرخان ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.
— خىزمەتلىرىنى جان پىدالىق بىلەن ئادا قىلىمەن، بۈزرۈكۋارىم.
— قۇزئوردۇغا ئىگىلىكخان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى، ھەر قايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىناق - ئىجىل، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ ۋە پاراسەتنى ئايىمىغايسەن، ئوغلۇم.
— باش ئۈستىگە، بۈزرۈكۋارىم.
يۈسۈپ قادىرخان ئوغلۇنى بۇغراخان تەكياخانىسىغا باشلاپ، بەگ تەرەكسى ئۆتكۈزۈپ تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
شۇ كۈنى كەچقۇرۇن يۈسۈپ قادىرخان قاراخانىيلارنىڭ غەربىي يۇرت - شەھەرلىرىگە ئىككى ئىگىلىكخان قويۇش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆز جايلارنىڭ ئىككىنچى ئوغلى — تېگىن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈردى.
ئوغلىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن دوقاقبەگنى يۇغرۇش بېشى، رەيھانلىقنى ئۇلۇغ ھاجىپ قىلىپ تەيىنلىدى. ئىبراھىم تېگىننى سەمەرقەنت دىيارىغا باش ھاكىم، تۆمۈربۇقا نەسىردىنبەگنى ئونىڭغا سۇبېشى قىلىپ بەلگىلىدى.
ئەتىسى چاشكا ۋاقتى بىلەن ئىبراھىم تېگىن سەمەرقەنتكە يۈرۈپ كەتتى. ئاتىسى بىلەن ئۆزاتقىلى چىققان يۈسۈپ شىكار داۋامىدا خېلى يېقىنلىشىپ قالغان بۆرە تېگىنگە فارابنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى يادكار تۇتتى. بۆرە تېگىنمۇ ئونىڭغا كۈمۈش ساپلىق خەنجەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.
3
يۇغرۇش بېشى ۋە ئۇلۇغ ھاجىپنىڭ تەيىنلەنگەنلىكى توغرىلىق يارلىق ئوردا ئەربابلىرىنى، جۈملىدىن رەيھانلىقنى سەل ئەجەبلەندۈرگەن بولسىمۇ، ھېچكىم بۇ توغرىلىق ئېغىز ئاچمىدى. يۈسۈپ قادىرخان كەچ كۈزنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بالاساغۇندىن يولغا چىقتى. مۇھەممەد ئارسلانخان ئوردا ئەربابلىرى بىلەن ئون بىر چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. بالاساغۇن ئەھلىمۇ بۇ قۇدرەتلىك خاقاننى يەتتە چاقىرىم كېلىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلەن ئۇزاتتى.
— ئۇلۇغ بۇغرا قاراخانغا ئاقيول تىلەيمىز.
— يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمىزنى ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
— ئاللا سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن! — دەپ ئىككى يېنىغا قاراپ باش لىڭشىتىپ كېتىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى. ئۇ ئاۋام ئارىسىدىن چىقىپ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان يۈسۈپ بىلەن ئۇستازىنى كۆرۈپ ئېتىنى توختاتتى.
— مەلىكۇل مەشرىق ئالىملىرى، «بۇغرا قاراخان مەدرىسىسى» دىكى تالىپلارنىڭ ئۆزلىرىگە بىر سوۋغىسى بار ئىكەن، قوبۇل قىلغايلا، — دېدى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ.
— دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، باي — زەردارلارنىڭ ھەرقانداق سوۋغىسىنى بۇ قېتىم قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەندىم، كىشى قارا. سىلەرنىڭ شۇنچە يول يۈرۈپ ئۆزۈمگە چىققانلىقىڭلار مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس سوۋغا، مەن سىلەردىن مىننەتدار.
— ئەپۇ قىلسىلا، ئالىيلىرى، بىزنىڭ ئېلىپ كەلگىنىمىز زەر، جاۋاھىر ئەمەس، تالىپلارنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى، — ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم يۈسۈپكە قاراپ، — قېنى بالام، سوۋغىنى خاقان ھەزرەتلىرىگە سۇنۇپ بەرگىن، — دېدى.
يۈسۈپ ناھايىتى چىرايلىق خوش خەت بىلەن سەمەرقەنتنىڭ پاتلىق قەغىزىگە يېزىلغان «يوللۇقنامە»نى ئۇزاتتى.
— بۇغرا قاراخان ئاتا، بۇ ھەممە تالىپلارنىڭ سەمىمىي تىلىكى.
— رەھمەت، بالام، مانا بۇ سوۋغىغا نېپىسانىيەتچىلىكتىن، غەرەزدىن خالىي كۆڭۈل ئىزھارى ئىكەن، قوبۇل قىلدىم، — يۈسۈپ قادىرخان قولىغا ئېلىپ ئوقۇدى:
ئېسىل، خۇلقى كەمتەر، دىلى مېھرىبان — كىشى كىم؟ دېسەك، كەل، ئۇنى كۆر بۇئان. ئەي، خۇيى گۈزەل، پاك نەسەپ، پاك ئۇرۇق، جاھان قالمىسۇن سەندىن ھەرگىز قۇرۇق①.
— «بۇ يوللۇقنامە»نىڭ مۇئەللىپى كىم؟ — ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن سورىدى بۇغرا قاراخان سۆيۈنۈپ.
① «قۇتادغۇ بىلىك» 107-، 108-بېيىتلەر.
يۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ جىم تۇردى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ئېھتىرام بىلەن جاۋاب بەردى: — شاگىرتىم يۈسۈپ، رەيھاندىنبەگنىڭ ئوغلى. — سەن ئېكەنلىكىڭغۇ، بالام. ئاللا سېنى كامال تاپتۇرسۇن. يۈسۈپ قادىرخان «يوللۇقنامە» نى قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ يۈرۈپ كەتتى.
بۇغرا قاراخان ئۆزىغان شۇ كۈندىن باشلاپ، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ رەيھاندىنغا قارىتا مۇئامىلىسى سوغۇقلىشىپ قالدى. بۇنىڭدىن سىقىلغان رەيھاندىن ئېلىكخان چاقىرمىغۇچە يېنىغا كىرمەيدىغان بولدى. ئۇلۇغ ھاجىپ خانىسدا جايلاردىن كەلگەن ئەرزنامە، شىكايەتنامە، ئىلتىماسلارنى كۆرۈپ، ئېلىكخانغا مۇناسىۋەتلىكلىرىنى ئونىڭغا؛ يۇغرۇش، سۇباشىلارغا مۇناسىۋەتلىكلىرىنى ئۇلارغا يوللاپ بېرەتتى. دەرد ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ زارىنى ئاڭلاپ، ئېلىكخان ۋە يۇغرۇش باشى بىلەن كۆرۈشتۈرەتتى. لېكىن، ئۆزىنى تۇتۇپ، ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى. ئېلىكخان مەسلىھەت سورىمىسا، ئۇ نېمىدەپ ئېغىز ئاچسۇن. ئارىدىكى بۇ سوغۇقچىلىق قاچانغىچە داۋاملىشاركىن؟
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ رەيھاندىنغا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشى سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى. ئونىڭ تۇنجى خوتۇنى بۇغراخانلار جەمەتىدىن بولغان ئەردەنى خوتۇن بولۇپ، ئۇ ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ ئانىسى ئىدى. ئىككىنچى خوتۇنى چىگىل ئارسلانخاننىڭ قىزى سۆسەر ئايىپكە ئىدى. ئۈچىنچى خوتۇنى سامانىيلار پادىشاھى نۇھ سانى بىننى مەنسۇرنىڭ قىزى قىلىچخان بولۇپ، قىلىچخان ئەسىر ئېلىنغانىدى. تۆتىنچى خوتۇنى بولسا، ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇملۇق قارلۇق يابغۇسى، يۇغرۇش بولۇنبەگنىڭ قىزى قۇماربىكە ئىدى. ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخانغا ياتلىق بولغاندىن بېرى، ناز — كەرەشمىسى بىلەن ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىدى. مانا شۇ نازىنىڭ خوتۇن ئاتىسى بولۇنبەگنىڭ قوزغۇلاڭدا دارغا ئېسىلغانلىقىنى ئاڭلىغان
كۈندىن تارتىپ، ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ بۇغراخانلىرىدىن قىساس ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي رام قىلىۋېلىش ئۈچۈن بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئاتىسى ئۈچۈن ئاشكارا ياش تۆكمىگەن، مۇھەممەد ئارسلانخانغا بىر ئېغىز گەپنى قىلمىغان بولسىمۇ، تېشىدا كۈلۈپ، ئىچىدە قان يىغلايتتى. سەمەرقەنتتىكى جەڭدە يارىلىنىپ قاچقان بوزاغو ئايالچە كىيىنىپ بارغان شەھەرگە بارغاندا، قۇماربېكە ئاكىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىر مەزگىل قەسىردە يوشۇرۇپ ساقلىغاندىن كېيىن، ئاختا قىلىنغان قوللار قاتارىدا ھەرەمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئاغۋات قىلىۋالغانىدى. ئۇلار ۋاقىت تاپسىلا بىر - بىرىگە ئىچ - قارنىنى تۆكۈپ، يۈسۈپ قادىرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن قەسەمياد قىلىشاتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان بۇ شەھرەنداز خوتۇننىڭ ناز - كەرەشمىسىگە مەھلىيا ئىدى، ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسە تۇرالماي قالاتتى. قۇماربېكە بۇغراخانلار جەمەتىگە مەنسۇپ بولمىسىمۇ، ئۇنى «گۈزەللىك شاھى ئابىنچۇ خوتۇن①» دەپ باشقا خانىشلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئەزىزلەپ كېلىۋاتاتتى. نېمە دېسە شۇنى تەييار قىلىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئاتىسى يۇغرۇش بېشى قىلىپ تەيىنلىمەكچى بولغان رەيھاندىننى ئۇلۇغ ھاجىپ قىلىپ تەيىنلەپ كۆزگەندى. قۇماربېكىنىڭ مەقسىتى رەيھاندىننى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشتىن چەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ بۇ مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، رەيھاندىننى ھە دەپ قارىلاپ، يوق ئەيىبلەرنى ئارتىپ، ئۇنىڭدىن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ رايىنى ياندۇرۇشقا كىرىشتى. ئەڭ يېقىن، سۆيگەن ئادىمىدىن يامان گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى قالغان ئېلىكخان
① ئابىنچۇ خوتۇن — جەلىپكار مەلىكە، كۆڭۈلنى ئالغۇچى گۈزەل ئايال.
رەيھاندىندىن مەسلىھەت سورىمايدىغان، ئۇنى كېڭەشلىرىگە چاقىرمايدىغان بولدى. ئالدى - كەينىگە ئۆتۈپ تەزىم قىلىپ، كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ تۇرىدىغان دوقاقبەگنى يېنىغا تارتىپ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالىدىغان بولدى.
رەيھاندىن بۇنى تۇيغانىدى. ھەرەم قەسرىدىن سارايغا ھەر كۈنى كېچىكىپ چىقىۋاتقان، ئاۋامنى، ئەلنى ئۇنتۇپ ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىۋاتقان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىدىن غەم يەپ قالغانىدى. ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئېلىكخانلىق بۇرچىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىدىن ئاچچىقلانسىمۇ، بۇ ھەقتە گەپ قىلىشنىڭ ۋاقتى ئەمەسلىكىنى ئېنىق - بېسىقلىق بىلەن ھېس قىلاتتى. ئوردىدىكى ئادەم ئەۋەتسە بۇغرا قاراخانغا مەلۇم قىلىشنىمۇ توغرا تاپمايتتى. ئۆزى ئېلىكخان قىلىپ تەيىنلىگەن ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن مەلۇمات بېرىشنى رەيھاندىن قانداقمۇ خالىسۇن؟! سەۋر قىلىپ تۇرسا ئاقىۋىتى بىر يەردىن چىقار.
ئەھمەد تۇغاندىن سانى بىلەن ئەلى تېگىننىڭ سوغۇقچىلىق توپىلىقى مەغلۇپ بولغاندا، ئۈمىد - ئىشەنچكە تولغان رەيھاندىننىڭ كۆڭلى مۇھەممەد ئارسلانخان ئېلىكخانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندا يەنە يېرىم بولۇپ قالغانىدى. جەڭگاھلاردا ھېچكىمگە بوي بەرمەيدىغان ئالىپ، مەردانە شاھزادىنىڭ بۇنچە تېزلا بۇزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئېزىتقۇلار توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزەتتى.
ئىنساننى ئىككى نەرسە ئازدۇرىدۇ: بىرى، گۈزەل نازىنىڭ ئايال، يەنە بىرى، پۇل - بايلىق.
نازىنىڭ ئايالنىڭ دامىغا چۈشكەن ئەرنىڭ ئۆمۈرى كۇت، ئېچىنىشلىق بولىدۇ. پۇل - بايلىقنىڭ دامىغا چۈشكەن كىشىنىڭ ئۆمۈرى ئەھمىيەتسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ، خاتىرجەم بولالمايدۇ. رەيھاندىن مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىكخاندىن ئەنسىرەيتتى، تەشۋىشلىنەتتى. ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ھاجىپلىق
ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلالمايۋاتقانلىقىدىن ئازابلىناتتى. بۇ ئەمەلدىن كېچەي دېسە، مەلكۇل مەشرىق شۇ ۋەزىپىگە قويغان، ئوغلىغا ھەم مەسلىھەتچى، ھەم يول كۆرسەتكۈچى بولۇشنى تاپشۇرغانىدى. كەچمەي دېسە، مەسلىھەتچىمۇ، يول كۆرسەتكۈچىمۇ بولالمايۋاتاتتى.
رەيھاندىنغا سەبىر قىلىشتىن باشقا يول قالمىغانىدى.
ئون ئالتىنچى باب: ئوردۇكەنت
1
رەيھاندىن ئوردىدىن قايتقاندا، ئىشىك ئالدىدا ئۇنى ھەرقاچانقىدەك يۈسۈپ ساقلاپ تۇرغان بولاتتى. ئاتا بۇ يالغۇز ئوغلىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، قەدىرلەيتتى. بەگتۆمۈر قېرىپ، گەپ - سۆز خوشياقماس بولۇپ قالغاندىن بېرى، يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ سىر تۇتمايدىغان سۆھبەتدىشىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ ساۋاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھاكىمە، مۇنازىرىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى، يازغان شېئىر - نەزملىرىنى ئوقۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇ يىل ئەنە شۇنداق تېپتىنچ ئۆتۈپ كەتتى.
يۈسۈپ ئون تۆتكە كىردى، تىنىم تاپماس ياشلىقنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىغا قەدەم قويدى، بويى ئۆسۈپ، بۇرۇتى خەت تارتىشقا باشلىغانىدى، تىلىككە تىلەك، ئويغا ئوي قوشۇلغانىدى. ئوقۇيدىغان كىتابلىرى ئېشىپ، يازىدىغان بېيىت - نەزملىرىمۇ كۆپەيگەندى. يەنە ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئۇ بويىلوق يىگىت بولۇپ قالدى.
ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم بۇ شاگىرتىنى نورۇز ئاخشىمى ئۆيىگە كۆجە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. يۈسۈپ چۈشتە ئۆيىگە كەلگەندە ئانىسىغا بۈگۈن كەچتە كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.
— نورۇز ئېشىنى بۈگۈن كەچ بىز بىلەن بىللە يېمەيدىكەنسەن - دە، بالام؟ — دېدى يابرا ئۆكۈنگەن قىياپەتتە، چىرايلىق كىيىنىپ، بويۇندۇق باغلاپ چىققان ئوغلىغا زوقلىنىپ
قاراپ. — كىشى قارا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى، ئابا. بارمىسام ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولمامدىمەن؟ ئاتامغا بۇ ئۆزرەمنى ئېيتىپ قويغىن. يۈسۈپنىڭ ئاپتاپتەك خۇش چىرايىدا چاقناپ تۇرغان قارا كۆزلىرىنىڭ مېھرىلىك بولۇقىغا چۆمۈلگەن ئانا، ياق، دېيەلمىدى. — ماقۇل، بالام. قوشناچىمغا سالىمىمنى يەتكۈزگىن، يېڭى يىلنى مۇبارەكلەيمەن. كېچە قالماي قايتىپ كېلەرسەن. ئاتاڭ نورۇز شەرىپىگە كالا — قوي سويدۇرماقچى. ھەممە تۇغقانلار — ئاچىلىرىڭ، قېيىنئاكىلىرىڭ، ھەتتا ئاغرىق ئاتاڭمۇ، ئاشانبۇقا، بودراچ مومايلارمۇ كەلمەكچى. ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ تۈنۈگۈنلا تەكلىپ قىلىپ قويغانىدىم. سېنىڭ يوقلۇقۇڭنى بىلىپ ئۇلار نېمىدەپ قالاركىن؟ خەيرىيەت، يولۇڭغا قارايمەن، ئوغلۇم. — كېچە قالمايمەن، ئابا، خوش، — يۈسۈپ ئىتتىك قورۇدىن چىقىپ مەدرىسەگە كەلدى. ئۇ ئىككى مۆدىررىستىن تارىخ، ئىلمىي نۇجۇم دەرسلىرىنى ئوقۇدى. نامازدىگەرنى مەدرىسەدە ئوقۇپ، ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشىكتىن كىرىشكە ھويلىغا سۇ سېپىۋاتقان ئاقبىلە يۈسۈپكە شۇنداق بىر قاراپ قويۇپلا ئۆيگە قېچىپ كىرىپ كەتتى. ئۇ ئۆتكەن يىلدىن بېرى يۈسۈپ كەلسىلا ئەنە شۇنداق قاچىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇ قىزلىق تۇيغۇسىنىڭ يىلدىن — يىلغا كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەسمىكىن؟ — قىزىم، نېمىشقا قاچىسەن، بۇ ئاكاڭ يۈسۈپقۇ؟ قولىغا سۇ قويۇپ بەرگىن، — دېدى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم يۈسۈپنى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان كۇتۇپخانىغا باشلاپ. ئۇ يۈسۈپ كەلسىلا مېھمانخانىغا باشلىماي، مانا شۇ خىلۋەت ئۆيىگە باشلايتتى. تۆت تېمىدىكى ئويۇق — تەكچىلەر كىتاب بىلەن تولغان بۇ ئۆي يۈسۈپ ئۈچۈن بەجايدىكى سېھرىلىك قەسىر ئىدى.
ئاپتۇۋا - چىلاپچا كۆتۈرگەن ئاقبىرا كىرىپ ئۇنىڭ قولىغا سۇ بەردى. يۈسۈپ ئاقبىرانىڭ بوي تارتىپ ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كەتكىنىنى كۆردى. ئۇ ئون تۆت ياشقا كىرگەنىدى. رەستە بولۇپ قالغاچقا، ھايادىن قىزىرىپلا تۇراتتى. ئاقبىرا شۇ ئان ئاققۇچ يۈزلىرى شاپتۇل چېچىكىدەك رەڭ ئېلىپ يەرگە قارىۋالغانىدى. يۈسۈپ قولىنى يۇيۇۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ قالدى. قىزنىڭ ئۇياتچان كۆزلىرى بىلەن يۈسۈپنىڭ ئويچان كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. غىزا تارتىقان قىز كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى. يۈسۈپ ئۇنىڭ گۆزەل چىرايىغا تىكىلىپلا قالغانىدى. قولىغا شارىلداپ سۇ قويۇلۇۋاتاتتى. ئۇ بىردىن ھېسسىگە كېلىپ قولىنى تارتىۋېلىپ، لۆڭگە بىلەن ئېرتتى. بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ، ئۇستازى كۆرسەتكەن يېكەندازدا ئولتۇردى.
كۆجە بەكمۇ ئوخشىغانىدى. چامغۇر، يۇمغاقسۈت، توشقان گۆشى سېلىنغان بۇ نورۇز ئېشى شۇنداق ئىشتىھالىق، مەززىلىك بولغانلىكى، يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ھۇزۇرلىنىشتىن يايراپ كەتتى. شۇ چاغدا ھويلىغا ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ كەلگەن قىز - جۇۋانلارنى قوشناچىم چوڭ مېھمانخانىغا باشلاپ ئولتۇرغۇزدى.
-
قىزىمنىڭ ئانىسى بۇ نورۇز كېچىسىنى ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن تۈنەپ ئۆتكۈزمەكچى، - دېدى ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇم، چىقىپ كېتىۋاتقان ئاقبىرانىڭ كەينىدىن قاراپ قالغان يۈسۈپكە. ئۇ ئېللىقلا قىزىرىپ دېدى:
-
بۈگۈن ئاخشام بىزنىڭ ئۆيگىمۇ بارلىق تۇغقانلار يىغىلىپ، نورۇز كېچىسى ئۆتكۈزمەكچى. ئۇلار مېنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان بولسا كېرەك. ئەمدى قايتاي، ئۇستازىم.
-
ماقۇل، بالام. كېلەر يىلىمۇ بىزگە نورۇز كۆجىسىنى بىللە ئىچىشكە تەڭرىم نېسىپ قىلسۇن.
ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يۈسۈپنى ئۇزىتىپ
قويدى.
مۇشۇ تاپتا كوچا - كوچىدىن مەشئەل كۆتۈرۈپ چىققان ئۆسمۈرلەر، ياشلار «قوۋۇقى باشا» غا قاراپ ئاقماقتا ئىدى. بادرا ياغىچىنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويغان ياغلىق قاپاق لاۋۇلداپ كۆيۈپ، بالاساغۇن كېچىسىنى سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. يۈسۈپ ئۆيىگە قاراپ قەدەمنى تېزلەتتى. «بەگبۇقا مەھەللىسى» دىكى بالىلار، يىگىتلەر ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى …
كېلەر يىلى يۈسۈپكە ئۇستازىنىڭ ئۆيىدە كۆجە ئىچىشكە نېسىپ بولمىدى. ئۇ كۆجىنى شەرقنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى، مەرىپەت بۇلىقى بولغان قەشقەردە ئىچتى. بۇ گۈزەل ئاستانىنىڭ ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرى بىلەن بىللە نورۇز كېچىسىنى ئۆتكۈزدى …
يۈسۈپنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىشنى ئۇزاقتىن بېرى ئويلاپ كېلىۋاتقان رەيھاندىن ھەر يىلى بىر ئېلىپ بارغۇسى، بۇغرا قاراخان ۋە مەشھۇر ئۇستازلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغۇسى، ئېلھاملاندۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ كامال تاپتۇرغۇسى كېلەتتى. ئەمما، ئىشنىڭ كۆپلۈكى، ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتۈۋاتقان كۈنلەر ئۇنى بۇ ئارزۇسىغا يەتكۈزمەيۋاتاتتى. بوسۇغا داۋاندىن ئاتلاپ چىقماقمۇ تەس بولۇۋاتاتتى…
قۇماربىكەنىڭ ناز - كەرەشمىلىرىگە ئەسىر بولغان مۇھەممەد ئارسلانخان بارغانسېرى ئاۋامدىن يىراقلىشىپ، ئېيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىۋاتاتتى. سەمەرقەنت، ئۆزكەنت، دەشتى قىپچاق، خارەزىمدىن ئىبارەت كەڭ زېمىننىڭ ئېلىكخانى بولغان بۇ شاھزادە ئۇ جايلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلاتتى. قۇماربىكەنىڭ دەۋىتى، دۇقاقبەگنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ جايلارغا كۆپرەك قارلۇق، قىپچاقلاردىن سۇبېشى، ھاكىم، ئەمىرلەرنى بەلگىلەپ، ئۆزىچە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن بولدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئېلىكخان بولۇپ يەتتىنچى يىلى رەيھاندىن قەشقەرگە بېرىش قارارىغا كەلدى. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىدا ئۈچ ئاي ئىستىقامەت قىلىپ كېلىشنى سەۋەب قىلىپ، مۇھەممەد ئېلىكخاندىن رۇخسەت سورىدى.
— بېرىڭ، ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، ماڭا ئامەت تىلەپ كېلىڭ، — دېدى ئۇ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن. لېكىن، بۇغرا قاراخان ئاتامغا سالامىمنى يەتكۈزۈڭ دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىدى.
ئېلىكخاننىڭ رۇخسەت قىلماسلىقىدىن خەۋپسىرىگەن رەيھاندىن ئۇنىڭ بۇنچە بېپەرۋالىقىدىن ھەيران قالغان ھالدا سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشتى. يۈسۈپ ناھايىتى خۇشال ئىدى. بويانقار بىلەن ئادار باشلىق ئون كىشىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان رەيھاندىن سەيشەنبە ئەتىگەندە يولغا چىقتى. ھاۋا تېخى سوغۇق ئىدى. ھۆت ئېپىپ بولغىچە، بەدەندىكى قارلار ئېرىمىگەنىدى. بۇ يۈسۈپنىڭ ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان داۋاندىن تۇنجى قېتىم ئۆتۈشى ئىدى.
2
قەشقەر ئۇ چاغلاردا ئوردۇكەنت، كاشغەر دېگەن ئىككى خىل نام بىلەن ئاتىلاتتى.
چاستىكى قىشلىق ئوردىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئەلچىخانا دەپ ئاتىلىدىغان يەردە، باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى ئولتۇراقلاشقان ئازادە كوچا بار ئىدى. ئوردا ئالدىدىكى بۇ كوچىدىن ئۆتۈسلا ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدىغان گۈلزارلىق مەيدانغا چىققىلى بولاتتى.
ئوردۇكەنتنىڭ شىمالىنى بويلاپ ئاقىدىغان تۈمەن دەرياسىدىن ئېلىنغان ئۆستەڭ ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ غەربىدىن ئۆتۈپ، يەنە تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرققىي ئېقىنىغا قوشۇلاتتى.
ئەسكى ھىسار ① قىزىل دەرياسىغا ھەر يىلى كېلىدىغان كەلگۈننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن چۆللىشىپ، چاسىلىق مەركەز قىلغان يېڭى شەھەر — ئوردۇكەنت يېنىبىرى ئاۋاتلاشماقتا ئىدى …
رەيھاندىن ئوردا ئالدىدىكى كۆل ياقىسىغا سېلىنغان قىيىنئاتىسى بەگتاش ئابدۇللا داموللىنىڭ باغلىق قورۇسىغا چۈشتى. ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، ئىسسىق چىراي كىشى ئۇلارنى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈۋالدى. بۇ بەگتاش ئابدۇللا داموللىنىڭ ئىنىسى بەگتاش جالالىددىن ئىدى. رەيھاندىننىڭ قەشقەردىكى تىجارىتىنى مۇشۇ قىيىنئىنىسى باشقۇراتتى. رەيھاندىن خەۋەر تېپىپ پەتەگە كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەر بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئەھۋاللاشتى. گەپ ئارىسىدا بۇغرا قاراخاننىڭ يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ غەم - ئەندىشىدە قالدى. قەشقەرگە كەلگىنىگە شۇنچە خۇشال بولغان يۈسۈپمۇ مەيۈسلىنىپ تازا ئېچىلالمىدى. كېچىچە بۇغرا قاراخاننىڭ بالاساغۇنغا بارغان ۋاقىتتىكى قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىنى، ئۇنىڭ بىلەن دىدارلاشقان دەملەرنى ئويلاپ چىقتى. «ئاجايىپ مەردانە، بىلىملىك پادىشاھ ئىدى. كىچىكلىكىمگە قارىماي، مەن بىلەن سۆزلىشىپ، تەلەپلىرىمگە ئېتىبار بىلەن قارىغانىدى. قانداق كېسەل بولۇپ قالغاندۇ؟ …»
ناماز بامداتقا ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازىدا كۆزلىرى يۇمۇلغان يۈسۈپنى ئويغىتۇۋەتتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدى. ئۆيلەر دېرىزىلىرى گۈلزارلىق ھويلىغا قارايدىغان مېھمانخانا ئۆيىدە ياتقانىدى. رەيھاندىن ھويلىدىكى ئەۋرەزدە ② تاھارەت ئېلىۋاتاتتى.
قەشقەرنىڭ كۆكلەم ۋاقىتتىكى سەھىرى غور - غور شاماللىق
① ئەسكى ھىسار — كونا شەھەر، كونا بازار. ② ئەۋرەز — يۈز - قولنى يۇيىدىغان، چوقۇر كولاپ ياسالغان ئارىقچە.
بولدى. قىيا ئېچىپ قويۇلغان دەرىزىدىن قاراپ تۇرغان يۈسۈپ ساپ ھاۋانى سۈمۈرۈپ - سۈمۈرۈپ دەم ئالدى. ئاتا - بالا ئىككىيلەن ناماز بامداتنى مەسچىتتە ئوقۇپ كىرىپ، ئەتىگەنلىك چاينى ئىچتى - دە، ئوردا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئوردا ئىشىكى يارقىراپ كۆرۈنگەندە، يۈسۈپنىڭ ۋۇجۇدىنى ھاياجان چۆلغىۋالدى. يېقىنلاپ كەلگەنسېرى، ئىشىكتىكى ئويما، كۆپتۈرمە نەقىشلەر، سېرىق تۇچ ھالقىلار ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئېگىزلىكى ئون توققۇز غۇلاچ كېلىدىغان ئىككى خىش مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ھەر ئۈچ غۇلاچ يېرىگە بىردىن كۆزنەك قويۇلغانىدى. بۇ كۆزنەكتىن بىر قاراۋۇل دەرۋازىدىن كىرگەن - چىققانلارغا قاراپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ئۈستى سالاسۇنلۇق بولۇپ، دۈگىلەك شەكىلدە ئىدى. بۇ مۇناردا قاراۋۇللۇق قىلىدىغانلارنىڭ كۆزى ئىنتايىن روشەن، يىراق - يېقىنلارنى كۆرەلەيدىغان، تاللانغان نۆكەرلەر ئىدى. بالاساغۇندا بۇنداق مۇنار ئوردا ئىشىكى يېنىغىلا ئەمەس، شەھەرنىڭ دۆگىلەك يېرىگە ياسىلىپ «قارغۇي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى يۈسۈپ ئېسىگە ئالدى. ئۇ مۇناردىن كۆزىنى ئېلىپ ماڭغاچ، ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىدىكى قاراۋۇللارغا سەپ سالدى. ئوردا ئىشىكنىڭ ئوڭ قانىتى تەرەپتە ئۈچ قاراۋۇل گۈرزىنى تۇتۇپ تۇراتتى. سول قانىتى تەرەپتىكى ئۈچ قاراۋۇل ئۈچلۈق نەيزە كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئۇلار قەشقەر چەكمىنىدىن شەم - كەمزۇل، بېشىغا ئاق سەللە ئورالغان سەيدام بۆك كىيگەنىدى. پۇتىدا كۆن ئۆتۈك، بېلىدىكى كەمەرگە قىلىچ ئېسىلغانىدى.
رەيھاندىن يېقىنلاپ كېلىپ قاراۋۇللارغا سالام بەردى ۋە مەلىكۇل مەشرىق ئۇلۇغ بۇغرا قاراخاننىڭ ئەزىز دەرگاھىغا بالاساغۇندىن سالامغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باشتىكى قاراۋۇل «بىر پەس ساقلاپ تۇرۇڭ» دېگەن مەنىدە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ ئوردا تەرەپكە كىرىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ئوردا قاراۋۇللار بېگى چىقىپ، ئۇلارنى مەرمەر
تۆۋرۈكلۈك كاتتا دىۋانخانىغا باشلاپ كىردى. ئىشىكئاغىسى توردىئاھۇن ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. بالاساغۇندىن كەلگەننى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
— مەلىكۇل مەشرىق ئالىيلىرى پادىشاھ ئەپچىخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى نائىب بۇغرا قاراخان بولۇپ ئەلنى سورىۋاتىدۇ، تەقسىر.
— بىز ئاۋۋال مەلىكۇل مەشرىق ئالىيلىرىغا سالام بېرىپ، ئاندىن نائىب بۇغرا قاراخاننىڭ خىزمىتىدە بولايلى، — رەيھاندىن ئولتۇرمايلا، يۈسۈپ بىلەن ئوردىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەپچىخانىغا كەلدى.
گۈمبەز شەكىلدە سېلىنغان يېشىل كاھىشلىق بىنا ئىچى جىمىجىت ئىدى. ئەپچى بېشى:
— بۇغراقاراخان ئالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس، كىرىشكە بولمايدۇ، — دەپ ئۇلارنى توسۇپ قويدى.
— قوز ئوردىدىن ھاجىبۇل ھۇججاب ئوغلى بىلەن سالام بەشگىلى كەپتۇ، دەپ كەلگىنىمىزنى ئالىيلىرىغا خەۋەر قىلغان بولسىلا، — دېدى يۈسۈپ بىتاقەت بولۇپ.
— ماقۇل، ساقلاپ تۇرۇشقايلى.
رەيھاندىن ئەپچىخانىنىڭ بىر ئۆيىدە خېلى ئۇزاق ساقلىدى. بىر چاغدا ئەپچى بېشى ئىشىكتىن كىرىپ:
— قېنى مەرھەمەتسىلا، خاقان ئالىيلىرى كۈتۈپ قالدى، — دېدى.
رەيھاندىن بىلەن يۈسۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئۇلار بۇغراخانلار جەمەتى داۋالىنىدىغان خاس ئۆينىڭ خىشلىق پايدىسىنى بېسىپ دەھلىزگە، ئاندىن تىمتاز ياتاق ئۆيگە كىرىشتى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەلىكۇل مەشرىق ئالىيلىرى، ئاللا ئۆزلىرىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەيھاندىنبەگ، بالام يۈسۈپ،
ئۆلتۈرۈڭلار، — يۈسۈپ قادىرخان ئىككى قولىنى تەرەپ بېشىنى سەل كۆتۈردى. چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن بۇغرا قاراخاننىڭ كۆزلىرى ئۆلتۈرۈشۈپ، ياڭاق سۆڭىكى بۆرتۈپ چىققانىدى، چىرايى سارغىيىپ قالغانىدى. «خاقان ئەجەب ياداپ كېتىپتۇ، كېسىلى خېلى ئېغىر ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان رەيھان دىننىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، باش سېلىپ ئۆلتۈرگىنىچە زۇۋان سۈرەلمىدى. ئۇنىڭ تىلىكىنى يۈسۈپ ئىزھار قىلدى:
— بۇغرا قاراخان ئاتا، ئالىيلىرى بىلەن دىدارلاشقىلى خېلى بۇرۇنلا كەلمەكچىدۇق. تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلار ئاتامنىڭ يولىنى توسۇپ قويۇپ كېچىكىپ قالدۇق. مۇبارەك دىدارلىرىغا شۇنچە تەشنا بولۇپ كەلگىنىمىزدە كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتىلا، شۇنداقتىمۇ مۇبارەك دىدارلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز ئورنىغا چۈشتى. ئاللاھ بەختىگە شىپالىق تېپىپ، ئاۋامنى ئادالەت ۋە شەپقەتلىرىدىن مەمنۇن قىلغايلا، — يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. بۇغرا قاراخان «ئۆلتۈرۈڭ» دېگەن مەنىدە قولى بىلەن ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، يىگىت تۆمۈر رەڭ بەقەسەم تونىنىڭ پېشلىرىنى تىزىغا باستۇرۇپ يۈكۈندى.
— بەللى، بەللى بالام، چوغلا ئالىپ يىگىت بولۇپ قاپسىز، ئاتاڭىز بىلەن مېنى كۆرگىلى كەلگىنىڭىزدىن غايەت خوش بولدۇم، — يۈسۈپ قادىرخان ئوچۇق پىكىرلىك، ئۆتكۈر نەزەرلىك يۈسۈپنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك پاراسەتلىك ئىكەنلىكىگە قايىل بولغان ھالدا، سەل ھاسىراپ سۆزىنى ئاستا داۋام قىلدى، — بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ئىنسان ئەجەل شارابىنى ئىچمەي قالمايدۇ، ئەجەل شارابىنى ئىچىش ئەسلىگە قايتىش دېگەنلىكتۇر. مەنمۇ ياشانغانسېرى ئەجەل شارابىنى سېغىنىپ قالغانىدۇم. بۇنى بىلگەن ياراتقۇچى ئىگەم ئاللا مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، كېسەلگە مۇپتىلا قىلىپ، ئۇ دۇنياغا كېتىشىمنىڭ يېقىنلاشقىنىدىن بېشارەت بەردى. بۇنىڭدىن ھەرگىز نارازى ئەمەسمەن. ئاللا ئاتا قىلغان ئۆمرۈمدە، ئاۋامغا زۇلۇم قىلمىدىم،
بارلىق تىرىشچانلىقىم بىلەن ياخشىلىق قىلدىم، ئېغىر يۈكنى يەڭگىلەتتىم، قارا كۆڭۈلنى ئاقارتتىم. ئەسلىم - پەخرىم بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىر دىن ئاستىدا ئىتتىپاقلاشتۇردۇم. شەھەرلەرنى ئاۋات قىلدىم. جەڭنى - جېدەلنى توسۇپ، ناھەق قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالدىم. مەسلىھەتسىز، كېڭەشسىز ئىش قىلمىدىم. ئەلگە ۋە ماڭا دۈشمەنلىك قىلغان، ئارنى بۇزغانلارغىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلدىم. بونىڭدىن قىلچە ئەپسۇسلانمايمەن. ئەمما، مېنىڭ بۇنداق ياخشى نىيەت، ياخشى ئارزۇدا كەڭ قورساقلىق قىلىشىم بىر قىسىم قارا نىيەتلەرنىڭ مۇناپىقلىق بىلەن يۇقىرى ئەمەل، كاتتا ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن تەڭرىنىڭ جازاسىنى تارتىشقا لايىقمەن، مېنى يىقىتقان بۇ كېسەلمۇ ئەنە شۇ جازانىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەن بۇنىڭغا سەۋر قىلىمەن، ئەلۋەتتە.
سۈكۈتتە ئولتۇرغان رەيھاندىن قول قوشۇشتۇرۇپ دېدى:
- مەلىكۇل مەشرىق ئالىيلىرى، قاراخانىيلار خاندانلىقى ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق، ئادىل، جاسارەتلىك، جۈرئەتلىك خاقانلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئىز بېسىپ تەختكە ئولتۇرۇشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى كۈچ - قۇدرەتكە، كەڭ زېمىنغا، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە بولغاندۇر. ئاللا بەندىلىرىگە شۇندىمۇ ئىرا دە قىلدىكى، پادىشاھقا ئاسىينى؛ بايغا ئوغرى - قاراقچىنى؛ سېخىي، مەردانىلەرگە بېخىل، تەمەخورنى؛ ئادىل، ھەققانىيەتچىلەرگە قارا نىيەت، نامەردلەرنى كۆشەندە قىلىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ خىلمۇخىل مەنزىرىسىنى بەرپا قىلغاندۇر. ئالىيلىرى ئەلگە مېھر - شەپقەت نۇرىنى چېچىپ، بۇ مەنزىرىلەرگە گۈزەل كۆرۈنۈش بەردىلە. قانخورلار باشلىماقچى بولغان ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاۋامغا ئامانلىق بەخش ئەتتىلە. بۇ ھەرگىز گۇناھ ياكى سەۋەنلىك ئەمەس، بەلكى ساۋابلىق، ئەلگە مەنپەئەتلىك بۈيۈك ئىشلاردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن،
توققۇز ئوغۇز، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆزلىرىدىن ناھايىتى مىننەتدار.
— يوقسۇ، رەيھاندىنبەگ. مەن ئەل مىننەتدار بولغۇدەك نېمە ئىش قىلىپ بېرىپتىمەن؟ — بېشىنى چايدى يۈسۈپ قادىرخان. ئۇنىڭ سولغۇن چىرايىنى ھەسرەت — نادامەت بۇلۇتى قاپلىدى، — قىلغانلىرىم — شاھلىق بۇرچۇمنىڭ يېرىم — يارتىسىدا بولۇشى، خالاس. بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلساق، گېپىمىز ئۇزىراپ ئاخىرىغا چىقالماي قالىمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەھۋاللار توغرۇلۇق پاراڭلىشايلى، سىلەرنى كۆرۈپ ساقىيىپ قېلىۋاتىمەن. قوزغۇردۇ، سەمەرقەنت توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىڭلار. ئىبراھىم تەگكەندىن خەۋەر ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلىدىغان نېمە گەپ — سۆزلۈكلەر بار؟ ئاڭلاپ كېسىلىمگە داۋا قىلاي.
رەيھاندىن بۇغرا قاراخاننىڭ سوئاللىرىغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئويلىنىپ قالدى: «نېمە دېسەم بولار؟ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بېپەرۋالىقىنى دەيمۇ يا ئۇنىڭ ئىش — ئىشرەتكە بېرىلىپ دۆلەت خەزىنىسىنى بۇزۇپ — چېچىۋاتقانلىقىدىن ۋاقىپلاندۇرايمۇ ياكى لاتىپۇرۇش①، تارىخچىلاردىن ئېلىنىدىغان سېلىقنى كۆپەيتىپ، ئەلدە نارازىلىق تۇغدۇرغانلىقىغا دىققەت — نەزىرىنى تارتامۇ؟ زالىم، خىيانەتچى، كاززاپ، كۆرەڭ ئادەملەرنى مۇھىم خىزمەتلەرگە قويۇپ، ياخشى نىيەتلىك ساداقەتمەن ئەمەلدارلارنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرايمۇ ۋە ياكى خانىش قۇماربېكەگە ئاتىنىڭ چۆلۈۋرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئەل بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىدىن شكايەت قىلايمۇ؟ ناھايەتكى، بۇ دېمەكچى بولغانلىرىم بۇغرا قاراخاننىڭ كېسىلىگە شىپا بولسا! ياق، ياق، بۇلارنى دېسەم ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ساقايغىچە كۆتەي».
① لاتىپۇرۇش — سودىگەر (تىجارەتچى).
رەيھاندىن مىنۇت ئىچىدە ئەلەملىك خىيال دېڭىزىدىن ئۈمىد قىرغىقىغا چىقتى. «دېمەكچى بولغانلىرىم چوقۇم بۇغرا قاراخاننى خۇش قىلىشى، كېسەلنى يېنىكلىتىشى كېرەك» دەپ ئويلاپ:
— مەلىكۇل مەشرىق ئالىيلىرى، پەرەزەنتلىرى مۇھەممەد ئارسلانخان كۆك بۆرە كۆردى، — دېدى.
— ئوغۇل پەرەزەنت كۆردىمۇ؟ ئەمدى بۆرىسى ئىككى بوپتۇ — دە. بىر — بىرىگە قانات بولۇپ ئۆتكەي، ئىلاھىم. مېنىڭ ئۇ نەۋرەمنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ، — يۈسۈپ قادىرخاننىڭ سولغۇن چېھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم پەيدا بولدى. ئۇ يەنە ئىككى قولىنى تىرەك قىلىپ بېشىنى كۆتۈردى، — بۇ ئوغلۇمنىڭ نەۋرىسى مېنىڭ قېشىمدا. ئۆزۈمۇ ئون ئالتە يېشىمدا پەرەزەنتلىك بولغانىدى، تەڭرىنىڭ ھېكمەتلىرى نېمىدېگەن قىزىقارلىق — ھە! مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ يېڭى كۆرگەن پەرەزەنتى ئۆز نەۋرىسىدىن توققۇز ياش كىچىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن. بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم.
— بۇغرا قاراخان ئاتا، ئۇ نەۋرىلىرى ئوقۇۋاتامدۇ؟ — سورىدى پاقاڭغا سەما بولۇپ ئولتۇرغان يۈسۈپ.
— ھەر جەھەتتىن تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، بالام.
— بىز كۆرۈشسەك بولامدۇ؟
— بولىدۇ، لېكىن ھازىر ئۇ خانلىقىمىزنىڭ يازلىق ئارامگاھى بولغان ئوپالدىكى چارباغدا چەۋەندازلىقنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.
— چەۋەندازلىقنى؟ — يۈسۈپنىڭ ئەگىم قاشلىرى سەل كۆتۈرۈلدى، — ئىسمىشەرىپىنى بىلىشكە بولامدۇ؟
— مەھمۇد، بالام، — يۈسۈپ قادىرخان ئونىڭ نېمىشقا ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلىپ دېدى، — نەۋرەم ساڭا ئوخشاشلا بىلىك ئاشىقى. كۈز، قىش مەزگىللىرىدە ئوردىدىكى ساچ مەدرىسىدە بىلىك ئۆگىنىدۇ. يازدا ئوپالغا بېرىپ چەۋەندازلىقنى
مەشقى قىلدۇ. ناھايىتى چاققان. بۇ يىل ئەتىيازدىلا، ئوپالدا سىپاھىلىرى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاتىسى ئېلىپ كەتكەنىدى. ئانىسىنى سېغىنىپ قالغان ئوخشايدۇ.
— نەۋرىلىرى ھۈسەيىن تېگىنمۇ يانلىرىدا تۇرۇۋېتىپتۇ — دە، ئالىيلىرى، مەن قەشقەرگە دەسلەپ كەلگىنىمدە چەۋەندازلىقنى ئۆگىنىۋاتقان بالا ئىكەن. ھازىر بالىلىق بوپتۇ، — سۆز قاتتى رەيھانىدىن. ئۇ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ پەرزەنت — نەۋرىلىرى توغرۇلۇق گەپ بولسا، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدىغانلىقنى نەزەردە تۇتۇپ شۇنداق دېدى.
— ئوغلۇم مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئارزۇلۇق بالىسى بولغان ھۈسەيىن تېگىن كىچىكىدىن مېنىڭ يېنىمدا تەربىيە تاپقان، — روھى كۆتۈرۈلۈپ قالغان بۇغرا قاراخان ھەۋەسلىنىپ سۆزلەپ كەتتى، — ئۇنى ئۆيلەپ قويغاندىن كېيىن ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ ئەمىرى قىلىپ تەيىنلىگەندىم، پەرمانبەردارلىق بىلەن خىزمەت قىلدى. بولۇپمۇ، ئودۇن شاھلىرى چوققى رەشت، نۇقتى رەشتىلەر ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كەلگەندە، پىداكارلىق كۆرسىتىپ تەڭداشسىز چەۋەنداز، قابىل سەركەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. نەۋرەمنىڭ قورقۇمسىز، جاسارەتلىك سەركەردە بولۇپ يېتىشكەنلىكىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. «چاغرى تېگىن» دەپ نام قازانغان بۇ نەۋرەمنى «تايانغۇلار كېڭىشى»نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سۇباشى قىلىپ تەيىنلىدىم. ئۇ بىر تۈمەن ئىككى مىڭ نۆكىرى بىلەن يازلىق ئارامگاھىمىز ئوپالدا تۇرۇپ كەلمەكتە. نەۋرەم مەھمۇدمۇ ئوپالنىڭ ئازىق كېنتىدىكى چار باغدا تۇغۇلغان. مەنۇ ھەر يىلى يازدا ئوپالغا بېرىپ سەير قىلىپ كېلىمەن. تولىمۇ خوش ھاۋا، مەنزىرىلىك ئارامگاھ ئۇ.
بۇغرا قاراخاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يۈسۈپنىڭ ئوپالغا بارغۇسى، مەھمۇد تېگىن بىلەن كۆرۈشكۈسى كېلىپ قالدى.
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كېسىلىدىن ئەنسىرەپ قىلىشقان
تېۋىپلار ئونىڭ مېھمان ئاتا - بالا بىلەن كۆرۈشۈپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالغانلىقىغا زېھىن قويۇشتى، ئۈن چىقماي كۆزىتىپ تۇرۇشتى.
رەيھاندىن بۇغرا قاراخاننى چارچىتىپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ خوشلىشىپ ماڭماقچى بولدى.
— مەلىكۇل مەشرىق ئالىيلىرى، مۇبارەك دىدارلىرىنى كۆرۈپ، قىممەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تەشنا يۈرىكىمىزنىڭ چاڭقىغى قاندى. ئەمدى رۇخسەت قىلغان بولسىلا، ئارام ئېلىشلىرىغا دەخلى قىلمىساق، — رەيھاندىن يۈسۈپكە ئىشارەت قىلىۋەردى، ئۇ يېنىدىكى بىر جۈپ گۈللۈك خۇمنى ئېلىپ تەۋەززۇ بىلەن:
— بۇغرا قاراخان ئاتا، ئالىيلىرىغا بوۋام ئۆزى سالغان گۈلقەندىن ئېلىپ كېلىۋىدۇق، — دەپ ئۇنى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرغان دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويدى.
يۈسۈپ بۇغرا قاراخان يەنە ئىككى قولىنى تەرەپ بېشىنى كۆتۈردى:
— رەھمەت، بالام، رەھمەت، سىلەرنى كۆرۈپ خېلى ياخشىلىنىپ قالدىم. ئوردۇكەنتتىن كەتكۈچە پات - پات كېلىپ تۇرۇڭلار، — ئۇ قول باغلاپ تۇرغان يۈسۈپكە مېھرى بىلەن نەزەر سېلىپ، رەيھاندىنغا تاپىلىدى، — ئۆز ئىشلىرىڭىز بىلەن بولۇپ كەتمەي، ئوغلىڭىزنى ئوردۇكەنتنى ئوبدان سەير قىلدۇرۇڭ. مەدرىسىلەرگە، مازارلارغا ئېلىپ بېرىپ ئەجدادلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا، روھىدىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇڭ.
— بولىدۇ، ئالىيلىرى. مەن ئوغلۇمنى دەسلەپ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىگە ئېلىپ چىقماقچى.
— ياخشى ئويلاپسىز. ئۇلۇغ بوۋامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ماڭا دۇئا قىلىپ قويۇڭلار. ئاندىن ئوپالغا بېرىپ ئەقرەم بىلەن كۆرۈشۈپ، سەير قىلىپ كېلىڭلار.
— ماقۇل، بۇغرا قاراخان ئاتا، — يۈسۈپ مەمنۇن بولۇپ بېشىنى ئەگدى.
3
يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن پادىشاھ ئەپچىخانىسىدىن چىققاندا كۈن قىيام بولغانىدى. ئۇلار بىر بېسىپ — ئىككى بېسىپ بەگتاش ئابدۇللا داموللىنىڭ ئوردا ئالدى كۆل بويىدىكى قورۇسىغا كەلدى. تۇغقانلار، پەيتگە كەلگەن كاتتا تىجارەتچىلەر ساراينىڭ ئۆيىگە يىغىلغانىدى. ھەممەيلەن بۇغرا قاراخاننىڭ تىنچ — ئامانلىقىنى سوراشتى.
رەيھاندىن مېھمانلارغا بۇغرا قاراخاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى بىلەن ئۇزاق ھال — مۇڭ بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.
مېھمانلار ئۇزىغاندىن كېيىن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن مەھەللە ئۆيىگە چىقىپ ئارام ئالدى.
كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغانىدى. كەچكى شەپەق ئوردا ئالدىدىكى كۆل سۈيىدە قىزىل ھال رەڭ شولىلارنى پەيدا قىلغانىدى. يۈسۈپ مەھەللە ئۆيىنىڭ دەرىزىسىدىن كۆز سېلىپ، سۇ ئېلىۋاتقان قىز — ئوغۇل بالىلارنى كۆردى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قوزىئوردىدىكى قورۇسى كەلدى. ياز كۈنلىرى قورۇ ھويلىسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى بوستانلىق كۆل بويىدا ئاتا — ئانىسى، ئاچىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشاتتى، سەيلە يەتتى. ئۇ ئانىسىنى بەكمۇ سېغىنغانىدى. ئۇستازى، ساۋاقداشلىرىنى كۆرگۈسى كەلگەنىدى. ئاقبىلا قىز خىيالىدىن كېچىپ ئىختىيارسىز ئېغىر تىندى. ئۇ نورۇز كۈنى نورۇز ئېشىنى ئىچىشتىن ئاۋۋال يۈسۈپنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرمەكچى كېلىپ، ئىشىككە تەلمۈرۈپ قالارمىكىن؟ يۈسۈپ بۇنى ئويلىسا دەرھال كەتكۈسى كېلەتتى. ئەمما، بۇ ئەلۋەك، مېھرى ئىسسىق شەھەردىن
ئايىرىلغۇسى كەلمەيتتى.
رەيھاندىن ئوغلىنىڭ خىيالى قوزغۇردۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ:
— بالام ئوردۇكەنت قانداق ئىكەن، ساڭا ياقتىمۇ؟ — دەپ سورىدى.
— ياقتى، ئابا. ئوردۇكەنت «كاشغەر» دېگەن ئىسمىغا لايىق ئىمارەتلىرى ئۆز، باغۇبوستانلىق شەھەر ئىكەن، ماڭا ياردى. چوك پايتەخت بولغۇچىلىكى بار ئىكەن.
— قۇز ئوردۇنى سېغىنىپ قالمىغانسەن؟
— ئابامنى، ئاچىلىرىمنى سېغىندىم.
— ئۇستازىڭنىچۇ؟
— ئۇستازىمنى، ساۋاقداشلىرىمنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى. ئەمما تېخى ئوردۇكەنتنىڭ بازار — رەستىلىرىنى، مەكتەپ مەدرىسەلىرىنى كۆرگىنىم، ئالىم — ئۆلىمالىرى بىلەن ئۇچراشقىنىم يوق، ئابا.
— سېنى بۇ يەرگە ئوردۇكەنتنى كۆرسىتىش، كاتتا ئالىملاردىن تەلىم ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم. بەختىمىزگە قارشى بۇغرا قاراخان كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئونى بەزى ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرەلمەي كۆڭلۈم يېرىم. شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا بۇيرۇسا سېنى ئەتە ئاتۇشقا ئېلىپ بېرىپ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق مازارىنى زىيارەت قىلدۇرىمەن. ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن ئىستىقامەت قىلىپ، نورۇز بايرىمىغا ئۈلگۈرۈپ ئوردۇكەنتكە قايتىپ كېلىمىز، ئاندىن «مەدرىسە ساچىيە» گە ئېلىپ بېرىپ بىر — ئۇستازلار بىلەن دىدار كۆرۈشتۈرىمەن.
— بۇغرا قاراخاننىڭ سەيلىگاھى ئوپالغا بارمامدۇق، ئابا؟
— ئەلۋەتتە، بالام، — رەيھاندىن شام نامىزىغا تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن قوپتى. يۈسۈپ قەندىلدىكى شامنى يورۇتتى.
ئاتا — بالا ئىككىسى ئۇزاق سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ يېتىپ قېلىشتى. ئەتىسى بامداتتىن يېنىپ چاينى ئىچىپلا يولغا
چىقىشتى.
ئۇلار ئىككى تەرىپى ئادەملىك ياغاچ كۆۋرۈكتىن مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان تۈمەن دەرياسىغا كۆز سېلىپ ئۆتتى.
— بۇ يەر قورغان يېزىسىغا قاراشلىق باغئېرىق قىشلىقى، — دېدى رەيھاندىن ئىككى تەرەپتىكى قورۇ — جايلارنى قولىدىكى قامچا بىلەن كۆرسىتىپ، — ئالدىمىزدا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ چاپائۇل قىسىملىرى تۇرىدىغان كاتتا قورغان بار. بۇ يېزا ئاشۇ قورغاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
يۈسۈپ شىرىلداپ ئېقىۋاتقان ئېرىقنى بويلاپ كەتكەن باغۇبوستانلىق كۆجۈم مەھەللىگە سەيرىپ ماڭدى. يول ياقىسىدىكى پوتلا تاشلاۋاتقان تېرەك، سۆگەتلەردىن، باغلىق ھويلىلاردىكى ئاق، قىزىل مۇنچاق باغلانغان مېۋىلىك دەرەخلەردىن كۆز ئۈزمەي كېتىۋېتىپ، نەزىرى داغدام ئېچىلغان قارا ھالقىلىق چوڭ دەرۋازىغا چۈشتى.
— ئابا، چاپائۇل قىسىم تۇرىدىغان قورغان مۇشۇمۇ؟ — سورىدى يۈسۈپ كۆڭۈرلۈك ئېگىز تېمى ئۆزىدىن — ئۆزىگە سوزۇلغان قورۇققا بېقىپ. قورۇقتا ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەرلەر قىلىچۋازلىق، نەيزە ئېتىش، ئوقيا ئېتىش، ئومۇمىي مەشىق قىلىۋاتاتتى. دەرۋازا ئۈستىدە قارىغاي — ئارچا رەسمىي چۈشۈرۈلگەن توققۇز قىزىل تۇغ لەپىلدەپ تۇراتتى.
— ھەئە، بالام. بۇ بۇغرا قاراخانغا بىۋاسىتە قاراشلىق قوشۇن. بىز تۈنۈگۈن بارغان ئوردا يېنىدا جاتقورغان دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر لەشكەر تۇراسى بار، ئۇلار بۇغرا قاراخان ئوردىسىنى قوغدايدۇ. ئوپالدىكى قورغاندا مەھمۇد تېگىننىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئارسلان تېگىننىڭ چاپائۇل قىسىملىرى تۇرىدۇ. بۇنداق لەشكەرلەر تۇراسى قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ھەممە يۇرت — شەھەرلىرىدە بار.
رەيھاندىن ئوغلۇغا يول ئۈستىدىكى يېزا — قىشلاق، بازارلار ھەققىدە سۆزلەپ ماڭدى. تاشلىق سايلاردىن ئۆتۈپ، چۈشكە
قالماي ئاتۇشنىڭ مەشھەد قىشلىقىغا كەلدى. بۇ ناھايىتى كۆجۈم مەھەللە بولۇپ، ئەنجۈرلۈك باغلرى بىلەن مەشھۇر ئىدى. بىر ئۆستەكنىڭ تاغ سۈيى قاپپىدەستىن ئۆتەتتى. قىشلاقنىڭ مەركىزىدە كاتتا بازار بار ئىدى.
— سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى مۇشۇ يەردە، بالام. ئاشۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان گۈمبەز شۇ، — ئېتنى ئاستىلاتقان رەيھاندىن قامچىسىنى ئالدىغا ئوزىتىپ كۆرسەتتى. يايپىشىل كاشىلىق ھەيۋەتلىك گۈمبەزگە قاراپ، ئېتنىڭ تىزگىنىنى تارتتى.
ھاۋا ئوچۇق، ئاپتاپنىڭ خېلى تەپتى بولسىمۇ، ئەتيازنىڭ غۇر-غۇر سەرىلكىنى يۈزگە سوغۇق ئۇرۇلۇپ، ئاتلارنىڭ ياللىرىنى يەلپۈندۈرەتتى.
ئۇلار ئىككى تەرىپىدە ئىككى مۇنارى بار چوڭ دەرۋازىغا يېقىنلاشقاندا ئاتتىن چۈشتى.
رەيھاندىن خىزمەتكارلارغا ئاتلارنى دەڭگە ئەكىرىپ قويۇشنى بۇيرۇپ، يۈسۈپ بىلەن ئادەملەر توپىنى يارلاپ ماڭدى. بازار تازا قىزىغانىدى. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن چار بازارچىلار بازار سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتارلىشىپ ئولتۇرۇپ يايما ئاچقانىدى. بازار سەيناسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدىكى رەستە دۇكانلىرىدا رەڭگارەڭ رەختلەر چاقناپ تۇراتتى. رۇمنىڭ يىپەك رەختلىرى، چاڭئەننىڭ كىمخاب تاۋارلىرى، مىسىرنىڭ يوللۇق شايلىرى، سەمەرقەنت، بۇخارانىڭ بەقەسەملىرى، ئىران گىلەملىرى، خوتەننىڭ زىلچىلىرى، قەشقەرنىڭ چەكمەن، شاتاۋارلىرى تاي-تېپى بىلەن دۇكانلارغا قويۇلغانىدى. ھەممە دۇكاننىڭ ئالدىدا خېرىدار بار ئىدى. «بۇ يەردىمو بىر چوڭ دۇكان ئاچسام بولغۇدەك. بەگتاش جالالىدىن بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىپ باقاي» دەپ ئويلىغان رەيھاندىن توختاپ، ئەتراپقا قىزىقىپ قاراپ كېلىۋاتقان يۈسۈپنىڭ قولىنى تۇتتى.
— بالام، بۇ بازارنى كۆرسىمىز دېسەك بىر كۈندىمۇ ئارلاپ
بولالمايمىز. بىز سودا - سېتىق قىلغىلى كەلمىگەندىكىن، ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىپ مەقبەرىنىڭ ئېتىكاپخانىسىغا كىرىپ كېتەيلى.
- ماقۇل، ئابا، بۇ يەردە توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن. باش ئۈستىگە قارا كۆنلۈكنى سايە قىلىپ تۇتقان بىر سالاپەتلىك كىشىنىڭ قامەتلىك ياش يىگىت بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن ساماۋارخانا غوجايىنى «ئوردۇكەنتتىن كەلگەن يۇغۇرۇش بولمىسۇن يەنە» دەپ پايپاسلاپ كېلىپ:
- مەرھابا، مەرھابا، جاناپلىرى، - دەپ قارشى ئالدى ۋە ئۇلارنى گۈللۈك گىلەم ئۈستىگە يېكەنداز سېلىنغان يېرىم پەنجىرىلىك سوپىغا باشلىدى. ئىككى ياستۇقنى رەيھاننىڭ بېقىنىغا قويۇپ بەردى. يۈسۈپ چوغ ئوچاق ئالدىدىكى ئىللىلداپ تۇرغان چوغ ئۈستىدە قايناپ تۇرغان چۆگۈنلەرگە قاراپ قالدى. ئۇ بۇ ۋاقىتقىچە چايخانىغا كىرىپ باقمىغانىدى.
- چاي ئىچىشەملا، شورپىمۇ، گۆشگىردە يېيىشەملا، پولۇمۇ؟ بۆدۈنە كاۋىپى يېيىشەملا، توشقان گۆشىڭىزمۇ؟
- ئادەملىرىم كېلىپ بولسۇن، ئاندىن گۆشگىردە بىلەن چاي كەلتۈرۈڭ.
- باش ئۈستىگە، جاناپلىرى. ئاتلارنى دەھنەنىڭ ئاتخانىسىغا قويۇپ، مازارغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن كالا - قويلارنى چايخانا سىرتىدا قالدۇرۇپ كىرگەن غۇلاملار بىر - بىرىلەپ كىرىپ ئولتۇرۇشتى. چايخانىچى گۈللۈك ھۇجرىلاردا چاي، ئارقىدىن گۆشگىردە ئېلىپ كەلدى. رەيھاندىن يۈسۈپنىڭ چايخانا ئۆدۈلىدىكى باققالنىڭ دۇكىنىغا قاراپ قالغىنىدىن مېۋە - چىۋە يېگۈسى بارلىقىنى سېزىپ، تاۋۇز - قوغۇن، بەش - ئالتە ساپاق ئۈزۈم ئەكەلدۈردى.
تەكتىن يېڭى ئۆزگەنچە ئېيىل، چىڭ تۇرغان ئۈزۈم شۇنداق شېرىن ئىدى. ئاتىسى قوغۇن - تاۋۇز پىچقۇچە، يۈسۈپ ئۈزۈم يەپ تويدى.
— قوزغۇردۇ تەرەپتە كىشىلەر مېۋىلەرنى ساقلاپ يېيىشكە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ - ھە، ئابا؟ — دېدى يۈسۈپ.
— شۇنداق، بالام، قوزغۇردۇلۇقلار مېۋىدىن گۆشنى ياخشى كۆرۈشىدۇ، باغۋەنچىلىك قىلىشتىن شىكار قىلىشقا خۇشتار. ئوردۇكەنتلىكلەر شىكارغا چىقىشتىن باغقا ئىشلەشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ يەردە قىشقىچە قوغۇن - تاۋۇز ئۈزۈلمەيدۇ. ئۈزۈم، ئامۇت، ئالما، ئانار قاتارلىق مېۋىلەرنىمۇ يىل بويى ساقلاپ يېيىشىدۇ. بۇ يەردە باغ قىلمىغان تارىقچى ھەقىقىي تارىقچى ھېسابلانمايدۇ، ئوغلۇم.
ئۇلار قورسىقىنى تويدۇرۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا چۈش بولۇپ قالغانىدى. مىخ - مىخ ئادەملەر توپىنى يارىلاپ، مىس ھالقىلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ كەتكەن چوڭ دەرۋازىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىنىڭ ئالدىدىكى گۈل - چىمەنلىك سەيناغا قەدەم قويۇشتى.
ھۇجرا پەنجىرىسىدىن كالا - قويلارنى يېتىلەپ كىرگەن بىر توپ ئادەمنى كۆرگەن شەيخ ئاخۇن بىر قانچە مۇلازىملىرى بىلەن ئالدىغا چىقتى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەقسىر. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدۇق. جاناپلىرىنىڭ مۇبارەك دىدارىنى يەنە كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن، — دېدى رەيھاندىن مەھەللە تون كىيگەن چار ساقال، ئۆسكىلەڭ قاشلىق كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، يۈسۈپمۇ سەل تارتىنىپ كۆرۈشتى.
— ئىسمىم قورۇسۇن، جاناپلىرى. ئۆزلىرى ھالىمىزدىن ھەمىشە خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان رەيھاندىن بېگىم ئەمەسمۇ؟ دەررۇ تونۇمىغىنىمنى قارىمامدىغان. مەرھابا، مەرھابا. يىراق
يەردىن كېلىپ تازا چارچىغانلا. بىزنىڭ دىدارلاشقىنىمىزغا ئالاهىدە يىگىرمە يىل بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن. ئۆزلىرىنى ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇردۇق. مەرھابا، مەرھابا، شەيخ ئاخۇن ھال ئەھۋال سوراپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۆزلىرىمۇ تېمەن تۇرۇپلا، تەقسىر. بۇ ئەزىز دەرگاھقا نەچچە قېتىم كەلمەكچى بولۇپ، تۈرلۈك قىسمەتلەر تۈپەيلى، بوسۇغا داۋانىدىن چىقالمىدىم. خەيرىيەت، بۇ قېتىم ئاللا نېسىپ ئەيلەپ مانا بۇ ئوغلوم بىلەن كېلىشىم. مەرھابا، مەرھابا، بۇ ئوغۇل پەرھەنتلىرىنىڭ ئىككىنچىسىمۇ؟ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بۈزرۈكۋارىمىزنىڭ روھى خوش بولىدىغان بولدى. دەسلەپ كەلگەنلىرىدىمۇ بىر ئوغۇللىرى ھەمراھ ئىدى. ئەلھال، بالىلىق بولۇپ قالغاندۇ؟ شەيخ ئاخۇن بەگتۈرمىشنى رەيھاندىننىڭ ئېسىگە چۈشۈردى. چوك ئوغلوم ئورخۇن دەرياسى بويىدا، قىتانلار بىلەن بولغان جەڭدە جان تەسەددۇق قىلغان، تەقسىر، دېدى كۆڭلى بۇزۇلغان رەيھاندىن. مۇنداق دېسىلە، بېگىم. ئاللا ئېگەم جانابلىرىنى نائۈمىد قويماپتۇ. يەنە ئالتۇندەك بىر ئوغۇل بېرىپتۇ. كۆڭۈللىرىنى ھەرگىز يېرىم قىلمىغايلا، شەيخ ئاخۇن ئونىڭغا تەسەللى بېرىپ سورىدى، جانابلىرى خالاملىكىن، ھۇجرىغا كىرىپ چاي ئىچكەچ بىرئاز ئارام ئېلىۋالسىلا؟ رەھمەت، تەقسىر، ھازىر ھاممامغا كىرىپ غۇسۇل قىلىۋالايلى، ئاۋۋال ھەزرىتى سۇلتانىمنىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىۋالايلى، بىزنى ھاممامغا باشلاپ قويسىلا، غۇسۇل قىلىۋالساق. بۇ كالا قويلارنى ھەزرىتى سۇلتانىمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن دۇق، ئۆزلىرىگە تاپشۇرىمىز. ئاللا رەھمەت قىلسۇن، رەيھاندىنبەگ! بۇ چاغقىچە
جانابلىرى زىيارەتكە كېلەلمىگەن بىلەن، نەزىرىگە ئاتاپ ئەۋەتكەن نەرسىلىرى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى.
شەيخ ئاخۇن رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلارنى يېنىك چايقىلىپ تۇرغان كۆلنىڭ سول تەرىپىدىكى ئاپئاق ئاقارتىلغان پاكىز ھاممامغا باشلاپ قويدى.
كۆل سۈيى بۇلۇتسىز ئاسماندەك تىپتىنچ ئىدى. مەقبەرىنىڭ يېشىل كاھىشتىن قىلىنغان ھەيۋەتلىك گۈمبىزىنىڭ كۆلەڭگىسى كۆلنىڭ ئەينەكتەك يۈزىدە ئاجايىپ كۆركەم كۆرۈنەتتى. چۆرىسىدە ئەمدىلا پوتلا تاشلىغان تېرەك، سۆگەتلەر شىلدىرلايتتى.
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق مازارىنى قەشقەرلىكلەر «ھەز سۇلتۇنۇم»① دەپ قەدىرلەيتتى ۋە زىيارەت ئۈچۈن پات - پات كېلىپ تۇراتتى.
«ھەز سۇلتۇنۇم» نىڭ يەتتە شەيخى بولۇپ، شەيخ ئاخۇن باش شەيخ ئىدى. كىشىلەر ئۇنى «نۇرىدىن داموللام» دېگەن ئىسمى - جىسمى بىلەن ئاتىماي، «شەيخ ئاخۇنۇم» دەپ ھۆرمەتلىشەتتى. شەيخلەر بالىچاقلىرى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى مازارغا ۋەخپە قىلىنغان ئەنجۈرلۈك باغلاردا تۇرۇشاتتى. باش شەيخ بولغان نۇرىدىن داموللىلا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، خىزمەتكار - غۇلاملىرى بىلەن مەقبەرىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ قورۇدا تۇراتتى.
مەقبەرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مەسچىت، ئۇنىڭغا يانداش مەدرىسە بار ئىدى. يىراق - يېقىندىن كەلگەن نەچچە يۈز بىلىم تەشنالىرى بۇ مەدرىسەدە ئوقۇيتتى. نۇرىدىن داموللا يەنە باش مۇدەررىس ھېسابلىناتتى. ئۇ قەشقەر، بۇخارادا بىلىم ئىگىلىگەنىدى، ئەرەب، پارس تىلىرىنى ياخشى بىلەتتى. قۇرئاننى تەپسىر قىلىشتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان مۇدەررىسلەر ئاز ئىدى. خۇش
① ھەز سۇلتۇنۇم — ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى.
پېئىل، چىقىشقاق بولغاچقا، شاگىرتلىرىلا ئەمەس، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن يات قەۋم كىشىلىرىمۇ ئۇستاز ئورنىدا كۆرۈپ ئىززەتلەيتتى.
رەيھاننىڭ يۇغرۇش بېشى، ھاجىپ بولغانلىقىنى بىلگەنلىكى، ئۇنىڭ قاراخانىيلار ئېلى بويىچە كاتتا زەردار ئاتالغىنى ئۈچۈن، كەلگەنلەردىن شەيخ ئاخۇن غايەت خۇرسەن بولغانىدى. ئۇلار ھاممامدىن چىققۇچە ئېتىكاپخانىنىڭ ھۇجرىلىرىنى مۇلازىملارغا پاكىز تازىلىتىپ، بسا تلىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەييارلاپ قويدى.
غۇلاملىرى بىلەن ھاممامدىن چىققان رەيھاندىن ۋە يۈسۈپ قارلىق تاغ چوققىسىدەك ھەيۋەتلىك گۈمبەز ئىچىگە كىردى. پارقىراپ تۇرغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىگە سالام بېرىپ، ئىككى رەكەت نەپىل ناماز ئوقۇشتى. ئاتىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن يۈسۈپ سۈرە «ياسىن» نى تىلاۋەت قىلدى، ساۋابىنى ھەزرىتى سۇلتاننىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، مەقبەرىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يانداپ سېلىنغان يەنە بىر چوڭ گۈمبەز ئىچىگە سالام بېرىپ كىرىشتى.
— بۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانى ھەزرەتلىرىنىڭ مەقبەرىسى، — دېدى رەيھاندىن سوئال نەزىرىنى تىككەن ئوغلىغا.
— ھە، ئۇستازىم ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ئەبۇ ناسىر سامانى ھەزرەتلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئەمما، ئۇنىڭ مەقبەرىسىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.
— ئۇستازىڭ نېمىلەرنى دەپ بەرگەنىدى، بالام؟ — ئاتا ئوغلىنىڭ بۇ توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇقماقچى بولدى.
— ئۇستازىمنىڭ ئېيتىشىچە، — دەپ سۆز باشلىدى يۈسۈپ چىرايلىق قوپۇرۇلغان چوڭ قەبرىنىڭ چاقناپ تۇرغان
كاهىشلىرىغا قاراپ، ھىجرىيە 212 يىللىرى ①سامانى ئاتلىق تاجىكلارنىڭ ئاقساقىلى ئون قەۋمى بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ، خوراسان دىيارىغا ھۆكۈمران بوپتۇ. شۇ چاغدىكى ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىسى ئۇنى قوللاپ، نائىب ② قىلىپ تەيىنلەپتۇ. ئۇ ۋاپات بولۇپ، ھىجرىيە 257 يىلى ③غا كەلگەندە، ئۇنىڭ نائىب بولغان ئوغۇللىرى ناسىر بىننى سامانى بىلەن ئىسمائىل بىننى سامانى ماۋەرائۇننەھر، جۇرجان دىيارلىرىنى ئىگىلەپ، ئۆز مەملىكىتىنىڭ نامىنى، ئاساس سالغۇچى ئاتىسىنىڭ نامى بىلەن «سامانى خانلىقى» دەپ ئاتاپتۇ ۋە بۇخارا شەھرىنى پايتەخت قىلىپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە نائىب بولۇشتىن باش تارتىپ، مۇستەقىل خانلىق تىكلەپتۇ. ئەجەبۇ ناسىر سامانى قانداق بولۇپ ئوردۇكەنتكە كېلىپ قالغان؟ ئۇستازىڭ بۇ توغرۇلۇقمۇ دەپ بەرگەندۇ، بالام؟ دەپ بەرگەن، ئابا. بۇ بىر ئۇزاق تارىخ ئىكەن، يۈسۈپ ئۇستازىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ جاۋاب بەردى، ئىسمائىل بىننى سامانى ۋاپات بولۇپ ئوغلى ئەھمەد بىننى ئىسمائىل سامانى تەختكە چىقىپتۇ. ئۇ ئىككى پەرەزەنت كۆرۈپتۇ. چوڭ ئوغلىغا تاغىسى ناسىر بىننى سامانىنىڭ، كىچىك ئوغلىغا ئاتىسى ئىسمائىل بىننى سامانىنىڭ ئېتىنى قويۇپتۇ. بۇ ئاكا ئۇكا سامانىيلار بىزنىڭ غەربىي دىيارىمىزغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، زەربە يەپ ھالسىراپ قالغانىكەن. ئاۋامغا ئېغىر سېلىق سالغاچقا، ئىچىدە نارازىلىق قوزغىلىپ، تەرەپ تەرەپتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇ خاپىچىلىقتا كېسەل بولۇپ قالغان ناسىر بىننى ئەھمەد ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئىنىسى ئىسمائىل بىننى ئەھمەد سامانىيلار خانلىقىنىڭ تەختىدە
① ھىجرىيە 212 يىلى مىلادىيە 825 يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ② نائىب ئورۇنباسار مەنىسىدە بولۇپ، يەنى دەۋردىكى ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ سۇلتانلىرىنى ئۆزىنىڭ نائىبى دەپ قارايدىغان. ③ ھىجرىيە 257 يىلى مىلادىيە 870 يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئېلىدە قوزغالغان نەۋرە ئاكا - ئىنىلەرنىڭ، ئاۋامنىڭ توپىلاڭلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا كىرىشىپتۇ. مانا شۇنداق چاغدا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى پاجىئە يۈز بېرىپتۇ. چوڭىغا ئەبۇ ھەسەن ناسىر، كىچىكىگە ئەبۇ ناسىر دەپ ئات قويۇپتۇ. قوزغىلاڭلارنى تىنچىتقاندىن كېيىن، يەنە قاراخانىيلار ئېلىگە ھۇجۇم قىپتۇ. تالاس شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ خانىشى ۋە بىر تۈمەن بەش مىڭ سىپاھىنى ئەسىر قىلىپتۇ. ئوغۇلچاق قادىرخان ئوردۇكەنتكە كېلىپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييارلىنىپتۇ. بالاساغۇندا تۇرۇۋاتقان بۇغرا قاراخان بازىر ئارسلانخان ۋاپات بولۇپ، تېخىمۇ ئېغىر پاجىئە يۈز بېرىپتۇ.
- سامانىيلار بالاساغۇنغا باستۇرۇپ كېلىپتىمۇ، بالام؟
- ياقسۇ، ئابا، مۆئتەبەر بولغان قارلۇق خانلىقىنىڭ ھايات قالغان ھۆكۈمرانلىرى قايغۇلۇق پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، بالاساغۇندىكى قاراخان جەمەتىنى قىرغىن قىپتۇ. بازىر ئارسلانخاننىڭ تېخى بوۋاق بولغان ئوغلى سالۇر تېكىن①نى تۇغقانلىرى قۇتۇلدۇرۇپ ئوردۇكەنتكە ئېلىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمائىل بىننى ئەھمەدمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئەقىللىق، بىلىملىك بولغان كىچىك ئوغلى ئەبۇ ناسىرنى ئوردۇكەنتكە تەخت ۋارىسى قىلىپ ۋەسىيەت قالدۇرغانىكەن. ئەمما، چوڭ ئوغلى ئەبۇ ھەسەن ناسىر سامانى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىنىسىدىن تەختنى تارتىۋاپتۇ. يېڭىلگەن ئەبۇ ناسىر سامانى سۇلاققا قېچىپ كېلىپتۇ. كىچىك سالۇر تېكىننىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق بۇغرا قاراخان بولۇپ تۇرغان ئوغۇلچاق قادىرخان سامانىيلار خانلىقىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەبۇ ناسىر سامانىغا پاناھلىق بېرىپ ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋاپتۇ
① سالۇر تېكىن — سۇتۇق تېكىن (سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان).
ھەم قاراخانىيلار جەمەتىنىڭ يەنە بىر ئارامگاھى بولغان ئاتۇش مەشھىدىتە ماكانلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپتۇ. ئەبو ناسىر سامانىي يەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يەرگە كېلىپ قالغانىكەن.
— شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىگە قايتماپتىمۇ، بالام؟ — رەيھاندىن ئوغلىنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرى ئۆزىنىڭكىدىن كۆپلۈكىگە قايىل بولغان ھالدا سورىدى.
— قايتالماپتۇ، ئاپا، — يۈسۈپ مەقبەرىگە خىيالچان نەزەر تاشلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغان ئەبو ناسىر سامانىي ئوردۇكەنتتە سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ قائىدە - قانۇنلىرىنى تەرغىب قىلىپ يىللارنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئون ئىككى ياشلىق سالۇق تېگىن شىكار قىلىپ ئاتۇشقا بارغاندا، ئەبو ناسىر سامانىي بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن مۇسۇلمان بوپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - تونۇشلىرىنى ئىسلام دىنىغا يوشۇرۇن دەۋەت قىلىشقا باشلاپتۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپتۇ. سالۇق تېگىن ئۆيلەنگەندىن كېيىنمۇ تاغىسى ئوغۇلچاق قادىرخان تەختنى بەرمەپتۇ. ئەلدە نارازىلىق، غولغۇلا پەيدا بوپتۇ. سالۇق تېگىن يىگىرمە ياشقا كىرىپتۇ. ئۇنىڭ تۇنجى بالىسى بايتاش تېگىن ئۈچ ياشقا، قىزى نۇرئەلانۇر قونچاق ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇستازى ئەبو ناسىر سامانىينىڭ، ئوردۇكەنتتىكى مۇسۇلمان ئەر - ئاياللارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئۆزىنىڭ غەيۇر سىپاھىلىرى بىلەن ئوردىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، جاھىل، ئىنساپسىز تاغىسى ئوغۇلچاق قادىرخان ۋە ئۇنىڭ يولدىن چىققان، پاسىق ھەمتاۋاقلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاخىرى تەختنى ئىگىلەپ بۇغرا قاراخان بوپتۇ. ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئەبو ناسىر سامانىيمۇ داۋاملىق قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن دۆشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان
سامانىيلار ئېلىگە قايتماي ئۆمۈر بويى بۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ.
— مۇنداق دېگىن. مەنمۇ ئاڭلىغان، لېكىن سەن ئېيتقاندەك تەپسىلىي ئەمەس. بولۇپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى، سامانىيلار خانلىقىنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەمدى تولۇق بىلدىم. ئەبۇ ناسىر سامانىي ئىسلامنىڭ نۇرىنى ئوردۇكەنت دىيارىغا ئېلىپ كەلگەن باشلامچى ئىكەن. قېنى، ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ تىلاۋەت قىلغىن بالام، — كۆڭلى يورۇپ قالغان رەيھاندىن ئوغلىدىن مىننەتدار بولغان ھالدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. يۈسۈپمۇ ئۇنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ «تابارەك» سۈرىسىنى ئوقۇدى، ئاندىن دۇئا قىلىپ قايتىپ چىقىشتى.
ئۇلار ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق مازارىدا يەتتە كۈن ئىستىقامەت قىلىپ، نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا قەشقەرگە قايتىپ كېلىشتى.
بۇ يىلقى نورۇز بايرىمى ھىجرىيە 425 - يىلى رەبىيەل ئاخىرنىڭ بەشىنچى كۈنىگە① توغرا كەلگەنىدى. شۇ كۈنى ئەتەگەندە رەيھاندىن يۈسۈپ بىلەن بۇغرا قاراخاننى يوقلاپ ئەلچىخانىغا باردى.
يۈسۈپ قادىرخان قىيا ئوچۇق دەرىزىدىن باھار تۈسىنى ئالغان باغقا كۆز سېلىپ ياتاتتى. كۆكىرىشكە باشلىغان دەرەخلەر، ئەمدىلەتتىن ئىككى - ئۈچ قۇلاق بولغان گۈل - گىياھلار مەيلىنى تارتقان بولسا كېرەك، رەيھاندىن بىلەن يۈسۈپ كىرگەندە، ئۇ دەرىزىدىن كۆزىنى ئالماي يانتۇ ياتاتتى. «كېسەل بۇ پادشاھ، بۇ پۇقرا دېمەي ھەر باشقا كېلىۋېرىدىكەن. تەڭرى ئادەمنىڭ ئەسلىدە ئوخشاش يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كېسەلنى بېرىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قول قوشۇشتۇرۇپ سالام بەردى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كېلىڭلار، ئولتۇرۇڭلار، — دېدى
① مىلادىيە 1033 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
بوغرا قاراخان ساقال باسقان يۈزىنى ئۇلار تەرەپكە قىلىپ، بوۋامنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلدىڭلارمۇ؟
بېرىپ كەلدۇق، يەنە تۇرغۇمىز بار ئىدى، ئالىيلىرىنى سېغىنىپ كۆپ تۇرالمىدۇق، جاۋاب بەردى رەيھاندىن.
ئوغلۇم، سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن تېخى كۆرۈشمىگەن ئوخشىمامسىلەر؟ ئۇ كەلگەنلىكىڭلارنى ئاڭلاپ كۆپ خۇرسەن بولدى.
ئاتۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئوردىغا سالامغا كىرمەكچى بولغانىدۇق. ئاڭلىساق سۇلايمان ئارسلانخان غەزنىۋىيلەرنىڭ يالۋاچلىرى بىلەن سۆھبەتتە ئىكەن، شۇڭا كېتىپ قالدۇق. خۇدا بۇيرۇسا بۈگۈن پېشىنندىن يېنىپلا ئوردىغا سالامغا بارىمىز، ئالىيلىرى.
سۇلايمان بىلىملىك ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا خۇشتار. ئۆزىمۇ كۆپ ئوقۇغان، شەھەر كۆرگەن، جەڭلەردە زەپەر قۇچقان. سىلەرنىڭ دىدارىڭلارنى كۆرسە ئەلۋەتتە خۇرسەن بولىدۇ.
رەيھاندىن خىجىل بولغان ھالدا «سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن كۆرۈشۈپ ئاندىن ئاتۇشقا بارساق بوپتىكەن…» دەپ ئويلاپ تۇرۇۋىدى، يۈسۈپ قادىرخان بېشىنى كۆتۈرۈپ دېدى:
ئەھۋال خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم، مەن ساقايغىچە ئوردىدىن كېتىپ قالماڭلار. مەسلىھەتلىشىدىغان ئىشلار كۆپ.
باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، ئۆزلىرىدىن ئىجازەت ئالماي يولغا چىقمايمىز.
4
يۈسۈپ چولپان تۇغقان مەھەلدە ئويغىنىپ كەتتى. ئاتىسىنىڭ جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ بېشىنى كۆتۈردى.
بالام، تېخى بالدۇر. كېيىنرەك قوپساڭمۇ نامازغا
ئۆلگۈرسەن، دېدى قاق سەھەردە تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئاتا ئوغلىنىڭ يەنە بىرئاز ئۇخلىۋېلىشىنى خالاپ.
تۇرۇپ كەتەي، ئابا. بۈگۈن بىزنىڭ يېڭى يىلىمىز نورۇز بايرىمى كۈنى تۇرسا، قانداقمۇ ئۇيقۇم كەلسۇن، دېدى يۈسۈپ ۋە كىيىنىپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
بەگتاش جالالىددىن ئاغانىڭ ھاممامغا ئوت ياققۇزۇپ قويۇپتۇ، يۇيۇنۇپ كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلىۋالغىن.
ماقۇل، ئاتا، يۈسۈپ مەدرىستىن پەسكە چۈشۈپ چوڭ ھويلىنىڭ سول تەرىپىدىكى ھاممامغا كىردى. يۇيۇنۇپ، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ تۇرۇشىغا ئەزان چىقتى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ، ئاتىسى بىلەن مەسچىتتىن يانغان يۈسۈپ كۆل بويىغا يىغىلغان جامائەت بىلەن ئوردىدىن بۇغرا تۆگىگە مىنىپ چىققان سۇلايمان ئارسلانخانغا سالام بەردى. تۈنۈگۈن ئورداغا بېرىپ ئۇنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەنىدى. سۇلايمان ئارسلانخان ئاتا - بالىنى نورۇز ئېشىغا ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلدى.
قاراخانىيلار خانىدانلىقى قۇرۇلغان بىر يۈز توقسان يىلدىن بېرى، بۇغرا قاراخانلار نورۇز بايرىمىنى ئاۋام بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى ئادەت قىلىپ كېلىشكەنىدى. ئۇلار نورۇز ئېشىغا دەسلەپ ئېغىز تېگىپ بېرىتتى.
بۈگۈنمۇ ئەتىگەنلىكتىن باشلاپ كۆجە، سۈمۈلەك، كۆك چۆچۈرىسى، پولو قاتارلىق تاماقلارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ئورنىتىلغان داش قازانلار مەدرىسە، جامائە سەينا لىرىغا، پائالىيەت مەيدانلىرىغا ئېسىلغانىدى. يۈزلىگەن قوي، كالا، تاي، بوتىلار سويۇلغانىدى. چېپىشىش، ئات بەيگىسى، قىلىچۋازلىق - نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق قۇتلۇقلاش ئويۇنلىرى تۆمەن، قىزىل دەريا بويىدىكى مەيدانلاردا ئۆتكۈزۈلەتتى. مۇشائىرە، شېئىر ئوقۇش، مەدداھلىق، سۆز ئويۇنى، ئۇسسۇل، ناخشا ئېيتىش، موزىكا چېلىش كەبى
ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ھېيتگاھ، ئۈستىخانبۇيىدىكى چىمەنگاھ، بوستانلىقلاردا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلەتتى.
ئالتۇن لېگەنچەك پارىلدايدىغان كۈن قىزارغان ئۆپۈك يۈزىدە چاقنىدى. ھەشەمەتلىك ئوردا دەرۋازىسىنىڭ توققۇز غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى كۆركەم پېشتىقىدا بۇغرا - كارنايلار، ناغرا - سۇنايلار چېلىنىشقا باشلىدى. كۆل بويىغا قىلىنغان چېللە - باراك ئاستىدىكى ئوچاقلارغا ئېسىلغان داش قازانلاردا كۆجە، سۈمۈلەك ۋاراقشىپ قايناۋاتاتتى.
يۈسۈپ سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ سول بېقىنىدا، جامائەتكە ئويچان نەزىرىنى تىكىپ تۇرغان ئون - ئون بىر ياش چامىسىدىكى قارا كۆز ئۆسمۈرگە قاراپ - قاراپ قويدى. ئۇ ئاتىسىنى ئارىغا ئېلىۋالغان دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن بىللە، بۇغرا تۇغىدىن چۈشكەن سۇلايمان ئارسلانخان كەينىدىن ئاستا قەدەم بېسىپ، كۆل بويىدىكى ئازادە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چېللە - باراك ئالدىغا كەلدى.
سۇلايمان ئارسلانخان «شاھ سۇپىسى» غا قويۇلغان تەختكە چىقىپ تۇرغىنىچە ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئالدى:
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم جامائەت، نورۇز بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
ئۇنىڭ يۇم، كۈچلۈك ئاۋازى ئاممىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكتى.
-
سۇلايمان ئارسلانخانغا تەڭرى مەدەتكار بولسۇن! - دەپ چۇقان سالدى خالايىق.
-
تەڭرى سىلەرگە مەدەتكار بولسۇن! - سۇلايمان ئارسلانخان قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈردى، - نورۇز بايرىمى خانلىقىمىزنىڭ شەرىپى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىپتىخارى، ئېلىنىڭ سۆيۈنىدىغان بايرىمىدۇر. تەڭرى ئاتا قىلغان نورۇز بېشى - خانلىقىمىزغا، ئېلىمىزگە شۇنداق بىر كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇنكى، ھېچقانداق يامان يات ئېلىمىزگە ئاياغ باسالمىسۇن!
ئىناق - ئىجىل قەبىلىلىرىمىز ئىتتىپاقىنى بۇزمىسۇن، ئامىن!
- ئامىن! - كۆپچىلىكنىڭ بوراندەك ساداسى دەرەخ شاخلىرىدىكى قۇشلارنى ئۇچۇرۇۋەتتى. ئاشچى بېشى كۆجە، سۈمۈلەك قۇيۇلغان ئىككى كۈمۈش ھېجىرنى ئالتۇن لېگەنگە سېلىپ، تەختتە ئولتۇرغان سۇلايمان ئارسلانخانغا سۇندى:
- ئالىيلىرى، نورۇز ئىشىغا ئېغىز تېگىپ بەرگەيلا.
- بۇ ئاش ئەلچىخانىدىكى بۇغرا قاراخان ئاتامغا ئېلىپ بېرىلسۇن!
- خۇپ، ئالىيلىرى. ئىتتىك تەخت ئالدىغا كەلگەن يۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ دېدى:
- ئالىيلىرى، رۇخسەت قىلسا، نورۇز ئىشىنى ئەلچىخانىغا مەن ئېلىپ باراي. سۇلايمان ئارسلانخان كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
- ماقۇل، ئاشچى بېشى، نورۇز ئىشىنى بۇ بەلگە يىگىتكە بەرگىن، - دېدى. يۈسۈپ ئاشنى قولىغا ئالدى.
- مەنمۇ بىللە بارىمەن، - قارا كۆز ئۆسمۈر بېلىدىكى ئالتۇن كەمەرگە ئېسىلغان جەنجەرنىڭ كۈمۈش سېپىنى بىر قولى بىلەن تۇتۇپ يۈسۈپكە يانداشتى.
- بارغىن، ئۇلۇغ بوۋاڭنى خوش قىلىپ كەلگىن، - دېدى سۇلايمان ئارسلانخان. يۈسۈپ ئالتۇن لېگەندىكى نورۇز ئىشىنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرگىنىچە قارا كۆز ئۆسمۈرنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ، ئوردا ئىچىدىكى پادىشاھ ئەلچىخانىسىغا باردى. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە، يۈسۈپ قادىرخان دەھلىزدىن تاشقىرىغا كۆز سېلىپ تۇراتتى.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇغرا قاراخان بوۋا، بىز نورۇز
بايراملىرىنى قۇتلۇقلاپ، نورۇز ئېشى ئېلىپ كەلدۇق، دېدى قارا كۆز بالا قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان ھالدا تىزلىنىپ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇغرا قاراخان ئاتا، نورۇز بايراملىرى قۇتلۇق بولسۇن، يۈسۈپ تىزلىنىپ، نورۇز ئېشىنى سۇندى.
رەھمەت بالىلىرىم، رەھمەت، كامال تېپىڭلار، يۈسۈپ قادىرخان ھېجىرنى قولىغا ئېلىپ سورىدى، سىلەر قاچان تونۇشۇپ قالدىڭلار؟
بايا، كۆل بويىدا كۆرۈشتۇق. ئەمما، تېخى تونۇشقۇدەك بولمىدۇق، دېدى قارا كۆز بالا.
ئۇنداق بولسا تونۇشۇپ قېلىڭلار، بۇغرا قاراخان ئاشنى شىرەگە قويۇپ ئىككىيلەنگە خۇشال ھالدا كۆز سالدى، بۇ مەن ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن قوزغۇندۇلۇق بۆگۈ بەگكە يىگىت يۈسۈپ بولىدۇ. بۇ بولسا، مېنىڭ ئەھرەم مەھمۇد تېگىن. ئوپالدىن تۈنۈگۈن كېچە كەلدى.
نورۇز بايراملىرى مۇبارەك بولسۇن، مەھمۇد تېگىن.
ئۆزلىرىنىڭمۇ نورۇز بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن، يۈسۈپ ئاغا.
يۈسۈپ، بىلەن مەھمۇد تېگىن بىر بىرىگە ئىللىق نەزەردە قارىشىپ، قول بېرىپ كۆرۈشتى.
مەن بۇ يىل نورۇز ئېشىغا ئېغىز تېگەلمەسمەنمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم. بۇ كۈنگە يەتكۈزگەن تەڭرىمگە شۈكۈر. خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم. مۇشۇ ھالدا بىر خىل تۇرسام نورۇز ئاخشىمىدا ئاۋام بىلەن بىللە سەيلە قىلغۇم بار. سىلەر چىقىڭلار، بالىلىرىم، كۆپچىلىك يولۇچىلارغا قاراپ قالمىسۇن، سالىمىمنى يەتكۈزۈڭلار.
باش ئۈستىگە، دېدى يۈسۈپ.
ئۇلار قايتىپ كېلىپ نورۇز ئېشىنى ئىچىۋاتقان سۇلايمان ئارسلانخان ۋە جامائەتكە بۇغرا قاراخاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.
ئاللاكەرەم بۇغرا قاراخاننىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت بەرسۇن،
— دەپ دۇئا قىلىشتى كۆپچىلىك.
سۇلايمان ئارسلانخان چۆكتۈرۈلگەن بۇغرا تۆگىگە مىندى. ھۈسەيىن ئارسلانخان، ئوغلى مەھمۇد تېگىنمۇ بىردىن تۆگىگە مىنىشتى. ئۇلاردىن كېيىن رەيھاندىن، يۈسۈپلەر ئوردا خىزمەتچىلىرى ئېلىپ كەلگەن بۇغرالارغا سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەكلىپى بىلەن مىنىشىپ، تۈمەن دەرياسى بويىغا بېرىپ، بۇ يەردە بولۇۋاتقان ئات بەيگىسىنى كۆردى. چەۋەندازلارنىڭ چېپىشىش، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق ئويۇنلىرىنى تاماشا قىلدى. ھېيتگاھ مەيدانىدىكى توققۇزاق دەرۋازىسى ئالدىدا، ئېيتىلىۋاتقان ناخشا، غەزەل، ئوينىلىۋاتقان ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلاندى. ناماز پېشىننى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامائە بولغان چاسا مەسچىتتە ئوقۇپ، بولاقبېشىغا كېلىشتى. بۇ سەيلىگاھتا يېقىندىن كۆكىرىشكە باشلىغان مەجنۇنتاللار ئارىسىدىكى مارجانبۇلاق، ئايبۇلاق، كۈمۈشبۇلاقلار چۆرىسىگە توپلانغان شائىر — ئەدىبلەرنىڭ مۇشائىرىسىگە داخىل بولۇشتى.
سۇلايمان ئارسلانخان ئوردىغا قايتتى. يۈسۈپ مەھمۇد تېگىن بىلەن خوشلىشىپ، ئاتىسى بىلەن بەگتاش جالالاددىننىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلدى.
ئۇ بىر ساھىبجامال قىزنىڭ ھويلىنىڭ ئەڭ تۆپ تەرىپىدىكى ئايۋان دەرىزىسىدىن تىكىلىپ قاراپ ئۆز تارتىشقانلىقىنى كۆرمەي، ئاتىسى بىلەن مەھزەر ئۆيگە چىقىپ كەتتى. بۇ قىز بەگتاش جالالاددىننىڭ يالغۇز قىزى دىلدار ئىدى. يۈسۈپ قەشقەرگە كەلگەن كۈنى، ئۆزى دېمەتلىك دېدەك بىلەن ھويلىدىكى گۈللەرگە سۇ قويۇۋاتقان بۇ قىز ئۇنى كۆرۈپلا قاراپ قالغانىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەھزەر ئۆيگە ئورۇنلاشقان يۈسۈپ تاشقىرىغا چىققاندا — كىرگەندە، دىلدار دەرىزىدىن ماراپ ئۇنىڭغا كۆز سالىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئادەتتىكى قاراش بولماستىن، شەيدا بولغان قىزنىڭ تەلمۈرۈشى ئىدى.
بۇنىڭدىن قىلچە خەۋەرسىز بولغان يۈسۈپ قەشقەر
تەسىراتلىرىدىن تۇغۇلغان جوشقۇن ھېسسىيات، قۇتلۇق تويغۇلار ئېلكىدە كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
رەيھاندىنمۇ، يۈسۈپمۇ بۈگۈن ناھايىتى خۇشال ئىدى. بەگتاش جالالىددىن داستىخانغا قويغان ئىككى تەخسە چۆچۈرىنى ئىشتىھا بىلەن يەپ بولۇشتى، يۈسۈپ بەش قۇلاق چىقىرىپ تولىمۇ چىرايلىق تۈگۈلگەن چۆچۈرە قوشۇققا چىققاندا، ئۇنىڭغا قاراپ قالدى.
— تەلەي چۆچۈرىسى ئىكەن، بالام. يېگىن، تەلەيىڭ ئوڭدىن كەلسە ئەجەب ئەمەس، — دېدى رەيھاندىن غەرەزسىزلا.
— ئوھۇي، قىزىم تۈگگەن تەلەي چۆچۈرىسى بەگىيۈسۈپ بالامغا چىقىپتۇ — دە، — دەپ كۈلدى بەگتاش جالالىددىن.
ئۇنىڭ گېپىدىن بىر بېشارەتنى سەزگەن رەيھاندىن يۈسۈپكە مەنىلىك قاراپ قويۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
تۆمۈر رەڭ بەقەسەم تون، چىمەن دوپپا كىيگەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن مەدرىستىن چۈشۈپ دەرۋازا ئالدىدىن ئۆتكەندە، بىر ئاق يىپەك ياقىلىق ئايىغى ئاستىغا چۈشتى. يۈسۈپ ئېگىلىپ ياقىلىقنى ئېلىپلا يانچۇقىغا سالدى. نامازشامنى ئوقۇپ كىرگەندە، ئايۋان دەرىزىسىدىن قاراپ تۇرغان قىزغا كۆزى چۈشتى. ھاۋا رەڭ رومالنى ئاي يۈزىگە دالدا قىلىپ قىيا باققان دىلدار «ئاشۇ يىپەك ياقىلىقنى مەن تاشلىغان» دېگەندەك قىلىپ پىسقىدە كۈلدى. ئەجەبلىنەنگەن يۈسۈپ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئېلىپ، مەدرىس ئويناتقۇچىغا قەدەم قويۇشقا، بەگتاش جالالىددىننىڭ ئوغلى بەگتاش خېلىل ئوچۇققا ياقىلىق قاپاق مىخلانغان ئوزۇن بادىرنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ:
— بەگىيۈسۈپ، بۈگۈن ئاخشام قاپاق كۆيدۈرگىلى چىقامسىز؟ — دەپ سورىدى.
— ئەلۋەتتە، چىقىمەن، — يۈسۈپ بادىرنى قولىغا ئالدى. ئۇ قاپاق كۆيدۈرۈپ نورۇز كېچىسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن شۇنچە شادلاندى. ئاتىسىغا دەپ قويۇپ، بەگتاش جالالىددىننىڭ ئوغلى
بىلەن ئىشىك ئالدىغا چىقتى.
مەھەللە - مەھەللىدىن سەپ تارتىپ كەلگەن ئۆسمۈرلەر، ياشلار، ئۇچىغا ياغلىق قاپاق ئورنىتىلغان ئۇزۇن بادرىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ ئوردا ئالدىغا يىغىلماقتا ئىدى.
ئالەم قارايغانسېرى، كۆكتىكى يۇلتۇزلار شۇنچە چاقناشقا باشلىدى. نورۇز كېچىسى نۇرلۇق يىپىكىنى قەشقەر ئۈستىگە يايدى. ئوردا ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.
— بۇغرا قاراخان چىقتى! — توۋلاشتى كۆل بويىنى چۆرىدەپ تۇرۇشقان ياشلار.
— مەلىكۇل مەشرىققە ئامانلىق تىلەيمىز! — كۆپچىلىك دۆھرەپ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
يۈسۈپمۇ ئاق بۇغرا تۆگىگە مىنىپ ئوردىدىن چىققان يۈسۈپ قادىرخاننى كۆردى. بۇغراخان يېشىل سەللە ئورالغان ئالتۇن تاجنى كىيىپ تۈش ئۈستىدە مەزمۇت ئولتۇراتتى. ئارقىسىدا سۇلايمان ئارسلانخان، ھۈسەيىن تېگىن قاتارلىق پەرەزەنتلىرى، نەۋرە - ئەۋرەلىرى، دۆلەت ئەربابلىرى بار ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئۆلارنىڭ ئارىسىدىكى يېشىل شايى تون كىيىپ، بېلىگە خەنجەر ئاسقان مەھمۇد تېگىنگە كۆزى چۈشۈپ كۆرۈشكۈسى كەلدىمۇ، ئالدىغىراق سىلجىدى. بۇ قارا كۆز شاھزادەنىڭ بېشىدا ئالتۇن ئۇتۇغات، قولىدا قىزىل ياغلىق قاپاق مىخلانغان بادرا بار ئىدى.
جاندارلار ئەمىرى تۆگىنى تىز چۆكتۈرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ قادىرخان ئاق پاياندازغا دەسسەپ ئاۋامغا سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىپ ئېرتۇڭا ئەۋلادى بولغان قېرىنداشلىرىم. ھەممىڭلار بىلەن قۇتلۇق نورۇز ئاخشىمىدا يەنە يۈز كۆرۈشتۈرگەن تەڭرىمدىن مىننەتدارمەن. ئامان بولۇڭلار!
— مەلىكۇل مەشرىققە سالامەتلىك تىلەيمىز!
— بۇغرا قاراخانىمىز ئامان بولسۇن! — دەپ توۋلاشتى
كۆپچىلىك. — رەھمەت، قېرىنداشلىرىم، ھەربىرىڭلارنىمۇ ئاللا ئامان - ئېسەن قىلغاي، — دېدى يۈسۈپ قادىرخان كۈلۈمسىرەپ، — ئەمدى نورۇز مەشئىلىنى ياندۇرۇپ بېرىي. ئۇ ياغلىق قاپاق ئورنىتىلغان ئوزۇن بادرىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇشقان بالىلارغا، يىگىتلەرگە كۆز سالدى. ئون قەدەم نېرىدا بويۇنداپ قاراپ تۇرغان يۈسۈپنى كۆرگەندە، چىرايىدا يېقىملىق تەبەسسۇم پەيدا بولۇپ، قولى بىلەن ئىشارەتلەپ ئۇنى چاقىردى. ئىتتىك كەلگەن يۈسۈپ بادرىنى تىكلەپ تۇتۇپ تېزلاندى. — بۇغرا قاراخان ئاتا، خىزمەتلىرىگە تەييارمەن. — نورۇز بايرىمىنى ئوردۇكەنتتە ئۆتكۈزگەنلىكىڭدىن مەمنۇنمۇ سەن، بالام؟ — ئىنتايىن مەمنۇن مەن، ئالىيلىرى، نورۇز بايرىمى — ئېلىمنىڭ بايرىمى، پېقىر ئېلىمنىڭ قېشىدا بولاي، بۇ خاسىيەتلىك بايرامنى شۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزسەم، ئۆزۈمنى قۇت ئېگىسى سانايىمەن. بۇ بايرامدا ئالىيلىرىنى ئاۋام ئارىسىدا كۆرگىنىمدىن قۇت ئېگىسى بولغانلىقىمنى ھېس قىلىپ سۆيۈنۈۋاتىمەن. يۈسۈپنىڭ بۇ يۈرەك سۆزلىرى بۇغرا قاراخانغا مەنزۇر كېلىپ، كۆزلىرى ياشلاندى. سۇلايمان ئارسلانخان بەرگەن ئوتقاشنى قولىغا ئالغان بۇغرا قاراخان: — كېلىڭلار بالىلىرىم، مەشئىلىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىي، — دېدى. مەھمۇد تېگىن بىلەن يۈسۈپ بادرىنى تۆۋەن قىلىپ تۇتۇپ بەردى، بۇغرا قاراخان مەھمۇد تېگىن بىلەن يۈسۈپنىڭ ياغ تېپىپ قىزىرىپ كەتكەن ياغلىق قاپاقلىرىنى ئوتقاش بىلەن ياندۇردى. ئارقا - ئارقىدىن كېلىشكەن ئۆسمۈرلەر - ياشلارنىڭ
459
ياغلىق قاپاقلارغىمۇ ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن سۇلايمان ئارسلانخان باشلىق شاھزادىلەر، دۆلەت ئەربابلىرى، ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ياغلىق قاپاقلارغا ئوت تۇتاشتۇرۇشقا كىرىشتى.
ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يۈزلىگەن ياغلىق قاپاقلار ۋە بالىلارنىڭ قوللىرىدىكى ئوتقاشلار ھاۋادا يالقۇنجاپ كۆيۈپ، ئۇچقۇنلىرى زەررەدەك چېچىلاتتى. قىزغۇچ ھال رەڭ شولىلىرى كۆلنىڭ تىنچ سۈيىدە ئۈزۈرۈپ - قىسقىراپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. سۇ يىلاندەك يۆگىلىپ كۆتۈرۈلگەن تۈتۈنلىرى يۇلتۇزلۇق ئاسمان بوشلۇقىغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. قىز - چوكانلارنىڭ كۆزلىرى ئەنە شۇ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ياغلىق قاپاقلاردا ئىدى… مەنزىرە ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن قاراپ، يۈسۈپكە كۆزى چۈشكەن دىلدارنىڭ جىغىلدىغان يۈرىكى ياغلىق قاپاقتەك يالقۇنجاپ كەتتى. «قورغۇردۇلۇق بۇ يىگىت ئىشقدا كۆيۈۋاتقانلىقىمنى بىلمىدىكىن، يا باشقا بىر قىزنىڭ پىراقىدا پۇچىلىنىۋاتامدىكىن؟ شۇنچە تېلمۈرۈشلىرىمگە ئېلتىپات نەزىرىنى سېلىپمۇ قويمىدى. ياغلىقنى ئېلىپمۇ يېقىرنىڭ ھالىدىن خەۋەر تاپمىغانمىدۇ؟ ئاھ، تەڭرىم…» دېدى ئۇ ئىچىدە كۆزلىرىدىن سۆيگۈ ياشلىرىنى تامچىلىتىپ.
يۈسۈپ ئۆزى كۆتۈرۈۋالغان ياغلىق قاپاقتىن كۆز ئۈزمەي ئۇتلۇق تۇيغۇلارغا چۆمۈلگەنىدى…
ئۇ بۇلتۇر مۇشۇ ۋاقىتتا، ئۇستازىنىڭ ئۆيىدە نورۇز ئېشىنى ئىچىپ بولۇپ ئوزاپ چىققان ۋە بالاساغۇن ياشلىرىغا قوشۇلۇپ نورۇز قوشقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يېقىملىق نەزىرى بىلەن ئۈنسىز ئۆزىتىپ قالغان سۆيۈملۈك قىز ئاقبىلە كېلىدى. ئۇنىڭ بېشىدا چىمەن دوپپا، ئۈستىدە ئەتلەس كۆڭلەك، كىمخاب جىلىتكە بار ئىدى… يۈسۈپنىڭ ۋۇجۇدىمۇ ياغلىق قاپاقتەك كۆيۈشكە باشلىدى…
يۈسۈپ قادىرخان ئاۋام بىلەن خوشلىشىپ تۆگىگە مىندى. ئۇ
بايا يېنىغا كەلگەن رەيھانىدىنى نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان «بەگ تەرەكسى» گە تەكلىپ قىلىپ، دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئوردىغا كىرىپ كەتتى.
يۈسۈپ، مەھمۇد تېگىنلەر ئۆسمۈرلەر - ياشلار بىلەن بىللە، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ياغلىق قاپاقلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ۋەششەمىسى» توۋلاپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلانغىلى تۇردى …
ئون يەتتىنچى باب: قان تامچىلىغان يۈرەك
1
بەتتاش جالالىددىن قەشقەر سودىگەرلىرى ئىچىدە مەردانلىقى، سېخىيلىقى بىلەن نام چىقارغانىدى. گېپى ئوچۇق، ۋىجدانىدا تۇرىدىغان بۇ ئادەم كىشىنىڭ ھەققىگە زادى قاراپ سانمايتتى. ئۆشرە - زاكاتنى ۋاقتىدا بېرەتتى. باج - سېلىقنى كېچىكتۈرمەي ئۈمگا① گە تاپشۇراتتى، ھەرقانداق بىر جايدا قول تەڭلىگەن سائىلنى قۇرۇق قايتۇرمايتتى.
ئۇ مەرھۇم ئەھمەد توغانخان زامانىدا، تىجارەت ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن رەيھاندىن بىلەن شېرىكلەشكەندىن باشلاپ تىجارىتى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كەتكەندى. چاڭئەندىن ئىككى قېتىم نەچچە يۈز تاي ئېسىل كىمخاب - تاۋارلارنى، گۈللۈك چىنە - قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ ناھايىتى كۆپ پايدا ئالغانىدى. ئالغان پايدىنىڭ يېرىمىنى رەيھاندىننىڭ ھېسابىغا كىرگۈزۈپ، سەرمايىسىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتتى. سودىسىنى يەكەن، خوتەن، ئەردەۋىل، ئۇچتۇرپان، بەشبالىق، ئالمالىق، مىڭلاق دىيارىغىچە كېڭەيتتى. ھەر يىلى رامىزاندا مىڭلىغان يېتىم - يېسىر، غېرىب - غۇرۋالارغا زاكات بېرەتتى. موھتاجلارغا، دەردمەن كىشىلەرگە ئۆزىنى بىلدۈرمەستىن ياردەم قولىنى سۇناتتى. بۇ تەرىپى رەيھاندىنغا ئوخشايتتى.
بەتتاش جالالىددىننىڭ ئۈچ ئوغلى، بىر قىزى بار ئىدى.
① ئۈمگا — باج ئالغۇچى، باجخانا.
ئوغۇللىرى ساچ مەدرىسىدە ئوقۇيتتى. قىزى دىلدار قەشقەردىكى ئاتاقلىق قوشناچىم بېبىخەدىچە موللا خېنىمدا ئوقۇپ ئەرەب، پارس تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەنىدى. ئوتتۇز پارە «قۇرئان» نى تولۇق يادقا ئالغانىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە بېرىلگەن بۇ قىزنىڭ كۆڭۈل ئارامى قاچانكى يۈسۈپ قەشقەرگە كېلىپ، بەگتاش جالالىدىننىڭ ئۆيىگە قەدەم قويغان ئاشۇ كۈندىن بېرى بۇزۇلغانىدى. ئون ئالتە ياشقا كىرگەن بۇ نازىنىڭ كۆزلىرى كىتابتىن ھويلىغا قارايدىغان ئايۋان دەرىزىسىگە يۆتكەلگەنىدى. ئۇ ھەرقانداق قىلىپمۇ قوزغۇلۇپ كەتكەن يۈرەكنى كۆڭۈلدىن چىقىرىۋېتەلمەيۋاتاتتى. يۈسۈپ بۇنى بىلگەن، مېھرى بىلەن بىر قاراپ قويغان بولسىچۇ كاشكى…
يۈسۈپنىڭ ئويلايدىغان دىلدارى بار ئىدى. ئۇ قوزغۇردىلا قالغانىدى. گەرچە بۇ ۋاقىتقىچە ئاغزى بىلەن ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلمىغان بولسىمۇ، ئويچان كۆزلىرى بىلەن ئۇ لېۋەن قىزنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيگۈ شېئىرلىرىنى يازغانىدى. بۇ باشقا بىر ساھىبجامال بولماستىن، ئۇستازى ئەبۇ يۈسۈپ مەخدۇمنىڭ يالغۇز قىزى ئاقبىرا ئىدى. ئەمدىلا ئون تۆتكە كىرگەن بۇ رەنانىڭ نازۇك كۆڭلىدە يۈسۈپ بارمىدۇ؟ يۈسۈپ تېخى بۇنى بىلمەيتتى. ئەمما، قىزنىڭ يۈسۈپنىڭ سەبىي چېغىدىن كۆڭۈل دەرىزىسىگە شۇلىسى چۈشۈپ، سۆيگۈ يىپلىرىغا باغلىنىپ قالغان رۇخسارى يۈسۈپ قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى كۆز ئالدىدىن دەقىقە نېرى بولمايتتى. بۇ ھالدا قانداقمۇ باشقا بىر قىزغا نەزەر سالالىسۇن؟ يۈسۈپ شۇ تەرەپىلى، ياغلىقنى ئالغاندىن كېيىنمۇ ئايۋان دەرىزىسىگە قاراپ قويمىدى. ياغلىققا قان ئېقىپ تۇرغان يۈرەك كەشتە قىلىنغانىدى. قىز پىنھان تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەرگەنكەن، ئۇمۇ قىزنىڭ بۇ نازۇك سىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرمەي، ياغلىقنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك… مۇشۇ قارارغا كەلگەن يۈسۈپ، ئۆزى خالىي بولالماي، قىزنىمۇ خالىيدا ئۇچرىتالماي، ياغلىقنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.
بەگتاش جالالىددىن يۈسۈپنى كۆرۈپلا ئۇنى كۈيۆئوغۇل قىلىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. قىزىنىڭ ئانىسى خانكىش ئاغىچا بولسا قىزىنى قەشقەردىكى تاغىسىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىش ئارزۇسىدا ئىدى. بەگتاش جالالىددىن ئۆز تىلىكىنى بىر قانچە قېتىم پۇرتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، رەيھاندىن جاۋاب قايتۇرمىدى. رەيھاندىن شېرىكنىڭ بەرگەن ھېساباتىدىن ناھايىتى رازى بولۇپ، «ھالال، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم بىلەن شېرىك بوپتىمەن» دەپ چىن قەلبىدىن سۆيۈندى. ئۇنىڭ بىر تۈمەن سەر ئالتۇن قىممىتىدىكى مابلىغى ئون يىللاردىن بېرى بەگتاش جالالىددىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەنىدى. شۇڭا، ئۇ قەشقەر شەھىرىدىكى چىغايلار①غا ئۈچ كالا، يەتتە قوي سويۇپ كاتتا نەزەر قىلىپ بەردى. ئۆلىما، ئەدىب، بىلىم ئەھلىنى بەگتاش جالالىددىننىڭ دۆلەتباغ قىشلىقىدىكى بېغىغا چاقىرىپ زىياپەت ئۆتكۈزدى. زىياپەتنىڭ ئاخىرى ئالىملارنىڭ مۇھاكىمىسىگە، شائىر - ئەدىبلەرنىڭ مۇشاىرىسىگە ئايلىنىپ كەتتى. گۈل - چېچەكلەر بىلەن قاپلانغان باغ ئىچىدىن كاككۇك - تورغايلارنىڭ ئۈنى كېلىپ تۇراتتى. يۈسۈپ بۇ باغدا قەشقەر ساچىيە مەدرىسىنىڭ باش مۇدەررىسى ھۈسەيىن پېزلۇللا ئىبنى خەلەپ، مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرى قاتارلىق ئالىم - ئۆلىمالار بىلەن تونۇشتى. باغدا ئۆتكەن بۇ كۈن يۈسۈپ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز كۈن بولدى، ئۇ ئۆمرىدە بۈگۈنكىدەك ھاياجانلانمىغانىدى. ئۇنىڭ قانلىرى ئوقۇپ، روھى ئۆركۈپ، كۆڭۈل دەپتىرىگە ھاياتقا، ئەلگە بولغان مۇھەببىتى مىسرا بولۇپ يېزىلىپ قالدى.
زىياپەت ئاخىرلاشقاندا، ھۈسەيىن پېزلۇللا ئىبنى خەلەپ رەيھاندىنغا:
— بۇ ئالىپ ئوغلىمىزنى ساچىيە مەدرىسىگە ئېلىپ
① چىغايلار — كەمبەغەللەر، نامراتلار.
بارغايسىز. بۇ بىلىم گۈلزارىدا ئەقىل تىلىسىملىرى ئېچىلىپ، بىلىم نۇرلىرى بىلەن كۆڭۈل غارى يورۇپ كەتسە ئەجەب ئەمەس، — دېدى ئىلمىي نەزىرى بىلەن يۈسۈپنىڭ ئىشتىياقىنى قوزغاپ.
رەيھاندىن ئەتەيسى ئەتەنگەندىلا يۈسۈپنى بۇغرا قاراخان ئوردىسىنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ساچىيە مەدرىسىگە ئېلىپ باردى. نامى جايلارغا تارالغان بۇ مەدرىسىنىڭ تېرىك ياغىچىدىن نەپىس ياسالغان پەنجىرىلىك دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىدا كاشىشتىن قىلىنغان ئىككى مۇنار يالتىراپ تۇراتتى. كۆڭۈرلۈك پېشتاق، ھاۋا رەڭ گۈمبەز بۇ دەرۋازىنى ھەيۋەتلىك كۆرسىتەتتى. ئۆلار ھەدىيە قىلىنىدىغان سوۋغىلارنى كۆتۈرگەن خىزمەتكارلىرى بىلەن مەدرىسىگە كىرگەندە، بىلىم تەشنالىرى بولغان تالىپلار دەرس ئوقۇۋاتاتتى.
رەيھاندىن بىلەن يۈسۈپ ئېرىق قىرىغا تىكىلگەن ئارچا دەرەخلىرى ئىككى ياندىن سايە تاشلىغان خىشلىق يولدا ئاستا مېڭىپ، مەدرىسە سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆل بويىغا كېلىشتى. بىر جۈپ ئاق قو كۈن نۇرى چۈشكەن تىنىق سۇدا بىمالال ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئۆلار كۆلنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، باراقسان ئۈجمە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە توختاپ قېلىشتى. باشلىرى ئۈستىدىكى يېشىل يوپراقلاردا قىزغۇچ شولىلار چاقنايتتى. ئەتراپ تىمتاس بولۇپ، ئادەملەرنىڭ تۈۋشى ئاڭلانمايتتى. يۈسۈپنىڭ نەزەر قوشى كەڭ — كۇشادە پاكىز تازىلانغان مەدرىسىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى.
مەدرىسە سەيناسىنىڭ شىمالىدىكى سوغۇق، تال باراڭلىق چوك — چوك يورۇق ئۆيلەر — دەرسخانا، جەنۇبىدىكى پېشايۋانلىق ئازادە ئۆيلەر — مۇدەررىسلەرنىڭ ياتاقلىرى، ھاممام، ھاجەتخانىلاردىن ئىبارەت ئىدى. غەربىدىكى ئاسا جۈپ قىلىنغان تورۇسلىرىنى ئونلىغان گۈلدار تۈۋرۈكلەر كۆتۈرۈپ تۇرغان بىنا مەسچىت، كايۋان، كۇتۇپخانا، قىرائەتخانا بولۇپ، دەرىزە
ئورنىغا ياغاچ، تۆمۈردىن قىلىنغان ئويما پەنجىرىلەر بېكىتىلگەنىدى. ئۆگزىلىرىگە تۈڭلۈك قويۇلغانىدى. شەرق تەرەپتىكى دەرۋازىلىرى پەردىلىك، چىرايلىق ئىمارەت — مېھمانخانا، ئۇنىڭغا يانداپ قاتار سېلىنغان ئىككى بىر قاناتلىق پەنجىرىلىك ئۆيلەر — تالىپلارنىڭ يېتىپ - قوپىدىغان ھۇجرىلىرى ئىدى. مەدرىسەنىڭ شىمال تەرىپى ئوردا بىلەن پاسىل تام، ئۇنىڭ يان تەرىپى خانلىق مەدرىسە بىلەن تۇتىشىپ كەتكەنىدى. ئېرىقلاردا كېچە - كۈندۈز ئېقىپ تۇرغان سۇ كۆلگە ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىدىن چىقىپ گۈللۈكلەرگە قويۇلاتتى.
«بالاساغۇندىكى مەن ئوقۇغان مەدرىسەدىن چوك ئۆز ئازادە ئىكەن. تالىپلارمۇ كۆپ بولسا كېرەك، بۇنداق مەدرىسەدە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئارمانى قالمايدۇ» دەپ ئويلىدى يۈسۈپ.
رەيھاندىن باش مۇدەررىسنىڭ دەرسخانىدا ياكى ھۇجرىدا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي كۆز سېلىپ تۇرۇۋېدى، مەدرىسەنىڭ مۇتەۋەللىسى ① كېلىپ سالاملاشتى.
— تەقسىر، بىز باش مۇدەررىس ئۇستاز ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدۇق.
— تولا ياخشى، باش مۇدەررىس چاشكا ۋاقتىدا دەرستىن چۈشىدۇ. ھۇجرىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشقان بولسىلا.
مۇتەۋەللى ئۇلارنى باشلاپ بىر قانچە گۈللۈكلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، دەھلىزلىك ھۇجرىغا باشلاپ كىردى. تەكچە - ئويۇقلىرىغا لىق كىتاب تىزىلغان بۇ ھۇجرا ئادەمگە يېقىشلىق ئىدى. ئىككى دەرىزىسى مەدرىسە سەيناسىغا قارايدىغان.
رەيھاندىن ۋە يۈسۈپ خىزمەتكارلىرى بىلەن ھۇجرىنىڭ گىلەم سېلىنغان سۇپىسىدا ئولتۇرۇشتى.
— مەنزىرىلىك، خۇش ھاۋا مەدرىسە ئىكەن — ھە، ئابا، — دېدى يۈسۈپ دەرىزىدىن گۈللۈكلەرگە، تام - ناۋالاردىكى گۈللۈك نەقىشلەرگە كۆز سېلىپ.
① مۇتەۋەللى — مەدرىسەنىڭ ئىقتىساد - تۇرمۇش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
— ھەئە، ئوغلوم، بۇ قاراخانىيلار ئېلىگە شان شەرەپ كەلتۈرگەن، مەشھۇر ئالىم، ئەدىبلەر يېتىشىپ چىققان كاتتا مەدرىسە. بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان نەچچە يۈز تالىپلىرى بار. — مەملىكىتىمىزدىكى ئىلىم ھېكمەت مۆجىزىسەمۇشكىن ئەڭ كاتتا «باغى بىلىك»① ئىكەن دە، ئابا. پېقىر پەرەزەنتلىرىنىڭ بۇ باغى بىلىكتە بىلىم تەھسىل قىلغۇسى كېلىۋاتىدۇ. — شۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئوردوخەنتكە ئېلىپ كەلدىم، ئوغلوم، — رەيھاندىن كۈلۈمسىرەپ يۈسۈپنىڭ يەلكىسىگە ئۇرۇپ قويدى. ئاتا بالا مانا شۇنداق گەپلىشىپ ئولتۇرۇشتى، باش مۇدەررىس ھۈسەيىن پەزلۇللا ئىبنى خەلەپ كىرىپ كەلدى: — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجىبۇل ھۇججاب جانابلىرى، غېرىب خانامغا ئۆزلىرىنى قەدەم تەشرىپ قىلغۇزغان ئاللاھدىن مىننەتدارمەن. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەۋلانا. ھەزرەتلىرى بىلەن يەنە كۆرۈشتۈرگەن خۇداغا مىڭ شۈكۈر، بۈزرۈكۋارلىرىم بەگتۆمۈر، بەگتاش ئابدۇللا داموللا ئۆزلىرىگە كۆپتىن كۆپ دۇئايى سالام يوللىدى. رەيھاندىن سوپىدىن چۈشۈپ قول قوشۇشتۇرۇپ تۇردى. يۈسۈپ تىزلىنىپ سالام بەردى: — مەۋلانا، قوزئوردىدىكى «مەدرىسە بۇغراخان» نىڭ باش مۇدەررىسى، ئۇستازىم ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغوپۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلئالماينىڭ سالىمىنى ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن ھەزرەتلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. — رەھمەت، رەھمەت، بۈزرۈكۋارلار ئامان بولغاي، — ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ يۈسۈپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى، — قارىغاندا، سىلى ھاجىبۇل ھۇججابنىڭ ئوغلى
① باغى بىلىك — بىلىم بېغى.
ئۇخشىماملا، بالام؟ — ئارى، مەۋلانا. ھەزرەتلىرىگە شاگىرت بولۇشنى نىيەت قىلىپ، ئاتام بىلەن ئوردۇكەنتكە كېلىشىم. — بەھۇزۇر ئولتۇرۇشسىلا. پېقىرنى يوقلاپ كېلىشكەنلىرىدىن زىيادە خۇرسەن بولدۇم. ئاللا ھەزرەتلىرىگە رەھمەت قىلغاي، — دېدى باش مۇدەررىس، ئاندىن يوللۇق شايى تونىنى سېلىپ، سەللىسى بىلەن تامدىكى ئېلغۇچقا ئېسىپ قويدى. رەيھاندىنمۇ تونى، سەللىسىنى قول ئۇزارتقان ساھىبخانغا بەرمەي، ئۆزى ئېلغۇچقا ئېسىپ قويۇپ ئولتۇردى. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ جارىپ① ئېلىپ كىرگەن قوغۇننى كاسلاپ پىچىپ ھەممىنىڭ ئالدىغا قويدى. — ئەجەب تاتلىق ئىكەن، — دېدى قوغۇننى ھۇزۇرلىنىپ يېگەن يۈسۈپ، — كۆكلەم پەسلى يېرىملىشىپ قالغان بولسىمۇ، يېڭىلىقىدىن يېڭى ئۈزگەندەكلا تۇرۇپتۇ. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ بىر ئانارنى يارلاپ يۈسۈپكە ئۇزاتتى: — بۇنىڭغۇمۇ ئېغىز تەگسىلە، يازغىچە قوغۇنلا ئەمەس، ئۈزۈم، ئانار، ئالما، ئامۇتلارنىمۇ ساقلاپ يەيمىز، بالام، ئاللا كەرىم خاقانىيە دىيارىنى مانا شۇنداق خىسلەتلىك قىلغان. — رەھمەت، مەۋلانا. ئوردۇكەنتنىڭ مېۋىلىرى بەكمۇ شېرىن ئىكەن، — يۈسۈپ باش مۇدەررىسنىڭ ئىلتىپاتىدىن خۇشال بولۇپ، ئانارنى دانىلاپ يېيىشكە كىرىشتى. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، كەكە ساقاللىق كىشى بولۇپ، تەلەتى سورۇن كۆرۈنگىنى بىلەن، راستچىللىقى، چوڭقۇر مەنىلىك گەپ — سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى تېزلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالاتتى. مۇنازىرە — مۇھاكىمىدە خاتادا قىلچە يول قويمايتتى. تەكەببۇر، كۆرەڭلەرگە
① جارىپ — مەدرەسەنىڭ يۆگۈر — يېتىم ئىشلىرىنى قىلغۇچى خادىم.
زادى رىئايە قىلمايتتى. مۇشۇ تۈپەيلى «مىجەزى چۇس، ئاچچىقى يامان» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولۇپ قالغانىدى. ئەمما، سورۇن - مەرىكىلەردە كەمتەرلىكى، مۇلايىملىقى بىلەن ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى.
يۈسۈپ باش مۇدەررىستىن كۆزىنى ئېلىپ، رەيھاندىنغا قارىدى. بۇ قاراشتا نۇرغۇن سوئال بار ئىدى، ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپتىن سوراشقا پېتىنالمايۋاتاتتى. بۇنى تۇيغان ئالىم كۈلۈمسىرىدى:
— ھاجىپ، بۇ ئوغۇللىرى زېرەك بولسىمۇ تارتىنچاق ئىكەن. كىچىك چېغىمدا مەنمۇ شۇنداق ئىدىم. تارتىنىش — بىلىم ئېلىشنىڭ كۆشەندىسى، ئىنتىلىشنىڭ توسالغۇسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكىنىمدىن كېيىن، تارتىنماي، بىلمىگەنلىرىمنى سوراپ ئۆگىنىشكە كىرىشتىم، ھېلىھەم ئۆگىنىۋاتىمەن. مۇراد مەنزىلىگە تېخى يەتكىنىم يوق. پادىشاھ ئادىللىقى بىلەن، دانا بىلىمى بىلەن، شەھەرلەر ئۆز باغرىدا قۇرۇلغان بىلىم يۇرتلىرى بىلەن ئالەمگە تونۇلىدۇ. «ئوردۇكەنت» دەپ ئاتالغان كاشغەر شەھىرىنىڭ نامى ساچىيە، خانلىق مەدرىسىلىرى بىلەن مەشرىقتىن مەغرىبكىچە تارالغان. ساچىيە مەدرىسىدە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق بۈگۈ بىلگە، مىڭدىن ئارتۇق ئىلمى تەلەپ قىلغۇچى بار، بالام. خانلىق مەدرىسىدىمۇ شۇنداق.
بىلىم — ئاللاتائالا بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان بايلىقلار ئىچىدە ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ ھۆر، ئەڭ قىممەتلىك بايلىق. ئۇنىڭ راۋاجى ھەممە شەيئىلەر ئۈچۈن پايدىلىقكى، ئىنسانلارنىڭ جاپا - مۇشەققەت دەشتىدىن راھەت - پاراغەت بوستانىغا ئۆتۈشىدە كۆزگە كۆرۈنمەس كۆۋرۈك بولۇشى بىلەن قەدىرلىكتۇر. مەدرىسە بولسا، ئاشۇ كۆۋرۈكنى سېلىشنىڭ قائىدە - قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىدىغان خاسىيەتلىك قەسر. بۇ قەسرگە قەدەم قويغان ئىنسان بالىسى يىگىنە بىلەن قۇدۇق كولاپ سۇ چىقىرىپ، كۆڭۈل دەشتىنىڭ چاڭقىغىنى قاندۇرۇشى ھەر نەپەس زۆرۈر.
— يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولاش كەلمىسنى قانداق مەزمۇندا چۈشىنىش كېرەك، ئۇستاز؟ — يۈسۈپ ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ بىلىم ۋە مەكتەپ ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ، ئىشتىياقى تارتىپ سورىدى.
— قۇدۇقنى كەتمەن، گۈرجەك بىلەن كولاشمۇ ئاسان ئەمەس، بۇ بىر ئاددىي ساۋات، — دېدى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ قويۇق قارا ساقىلىنى سىيپاپ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى نەزىرىنى ئۆزىمۇ ئولتۇرغان يۈسۈپكە تىكىلدى، — ئېيتىڭچە يىگىت، يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغىلى بولامدۇ؟
— بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ — يۈسۈپ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن راستىنى ئېيتتى.
— توغرا دېدىڭىز بالام، لېكىن بۇ مۇمكىن.
— ئەجەب — ھە، «مۇمكىن ئەمەس» بىلەن «مۇمكىن» نىڭ ئارىلىقى شۇنچە يىراققۇ، — يۈسۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە سوغۇق ئانار شەربىتىنى ئىچىمەن دەپ، قىزىق چاينى ئۇتلاپ ئاغزىنى كۆيدۈرۈۋالدى.
ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ قوشۇمىسىدىكى تۈرۈلگەن ئىپادە يوقاپ، چېھرىدە ئىسسىق تەبەسسۇم پەيدا بولدى:
— چىدام ۋە غەيرەت بولسىلا يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقارغىلى، سۇغىرىپ چۆلنى بوستان قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر چىدام ۋە غەيرەت بولمىسا، يىڭنە بىلەن ئەمەس، كەتمەن، گۈرجەك بىلەنمۇ قۇدۇق قازالمايدۇ كىشى. خۇددى شۇنىڭدەك بىلىم ئىگىلەشمۇ يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازماقتەك ئىنتايىن — ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ئىش. چىدامسىز، غەيرەتسىز ئادەملەر بىردەملىك ئارام، راھەتنى دەپ بوشاپ كېتىدۇ — دە، پۇرسەتنى، ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نادانلىقتا جەبىر — جاپادىن، كۈلپەتتىن قۇتۇلالماي خارلىنىپ دۇنيادىن پۇشايمان يەپ ئۆتىدۇ. يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىش دېگەن سۆزۈمنىڭ ئەسلى مەنىسى شۇ، بالام.
— چۈشەندىم، ئۇستاز. يېقىن شاگىرتلىرى مۇشۇ دەمدىن باشلاپ يېڭى بىلەن قۇدۇق قېزىشقا ئىرادە باغلايمەن. — قارىغاندا، قۇدۇق قېزىشقا خېلى بۇرۇنلا كىرىشكەندەك قىلىسىز، ئويچان كۆزلىرىڭىز بۇنى ماڭا ئېيتىپ تۇرۇپتۇ، ئەمدىكى گەپ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەشتە. — ھەر قانداق قىيىن شارائىتتىمۇ ئۆگىنىپ بىلىم ئىگىلەش ئىرادەمدىن يانمايمەن، ئارقىغا ھەرگىز چېكىنمەيمەن! رەيھاندىن يۈسۈپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ «ئوغلۇمنى ئوردۇكەنتكە ئېلىپ كېلىپ ياخشى قىلغانىكەنمەن، ئۇنىڭ كۆزىمۇ، زېھنىمۇ ئېچىلىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدى.
2
بىلىمنىڭ ئەل ئۈچۈن ھاۋادەكلا زۆرۈرلۈكى، ئادالەت، ئىنساپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدىكى گەپ — سۆز قىزغىن داۋاملىشىۋاتقاندا، بىرىنچى قېتىملىق دەرس تۈگەپ، تالىپلار ھۇجرىلىرىغا قايتتى. — ئەمدى مەن سىزنى بىر قانچە شاگىرتىم بىلەن تونۇشتۇرۇپ قوياي، — دېدى دەرسخانىدىن چىقىۋاتقان تالىپلارنى دەرىزىدىن كۆرگەن ئالىم ئىشىككە قاراپ مېڭىپ. يۈسۈپ بۇ ئۇستازنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىنىڭ كەلگىنىدىن ھاياجانغا چۆمۈپ ئولتۇرۇۋېدى، ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ بەش نەپەر تالىپنى باشلاپ كىردى. ئاۋۋال سالام قىلىپ كىرگىنى زەر ياقىلىق شاھى تون كىيىپ، كۈمۈش ھالقىلىق كەمەرگە خەنجەر ئېسىۋالغان قامەتلىك، چىرايى ئاققا مايىل، گۆھەر قادالغان سەللىسىگە پەي قىستۇرۇۋالغان بۇرۇتلۇق يىگىت ئىدى. — بۇ ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېگىن، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ چوڭ ئوغلى، بۇغرا قاراخاننىڭ نەۋرىسى، — دەپ تونۇشتۇردى.
يىگىت سالاپەتلىك، مەغرۇر كۆرۈنگىنى بىلەن، چىرايىدىن خوشخۇيلۇق چىقىپ تۇراتتى.
ئىككىنچى بولۇپ كىرگىنى — ئون ياش چامىسىدىكى مەڭزىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان قوي كۆز ئۆسمۈر ئىدى. بېشىدا نەپىس تىكىلگەن بادام دوپپا، ئۇچىسىدا ئالتۇن تۈگمىلىك كەمزۇل بولۇپ، بېلىنى قىسىپ تۇرغان كۈمۈش توقۇلۇق كەمەرگە كىچىك خەنجەر ئېسىلغانىدى. ئويچان چىرايىدىن زېھرەكلىك بىلىنىپ تۇراتتى.
— بۇ ھۈسەيىن تېگىننىڭ ئوغلى مەھمۇد تېگىن، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ نەۋرىسى، بۇغرا قاراخاننىڭ ئەۋرىسى بولىدۇ.
بۇ شاھزادە ھۇجرىدىكىلەرگە ئېھتىرام بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، ئۆزىگە قىزىقىپ قاراپ تۇرغان يۈسۈپكە باش لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئاندىن ئاق سەللە ئورىغان، چەكExtended توننىڭ ئۈستىدىن شايى بەلباغ باغلاپ، پىچاق ئېسىۋالغان قوڭۇر بۇرۇتلۇق يىگىت كىردى. ئۇ قولتىقىغا كىتاب قىستۇرۇۋالغانىدى. ھۈسەيىن گەپنى خەتلىدى:
— بۇ قەشقەردىكى قازى قۇززات نۇردىن مەخدۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى ئاخۇنبەك مەخدۇم. ئۆزى قارى قۇرئان، دەقىقىنىمۇ بوش ئۆتكۈزمەي بېرىلىپ ئۆگىنىۋاتقان شاگىرتلارنىڭ بىرى، — دەپ تەرىپىنى قىلدى.
ئاخۇنبەك مەخدۇم ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا، ئاق سېرىق، كەمزۇل — شىم كىيىپ، سارغۇچ شايى سەللە ئورىغان، كۆك كۆز، بىر قاراشتا ئاچچىقى ياماندەك كۆرۈنىدىغان ئېگىز بويلۇق يىگىت بىلەن ساقاللىق، قىزىل يۈزلۈك، مىسىرنىڭ يوللۇق شايىسىدىن تون كىيگەن، بېشىغا رومال سېلىپ قارا چەمبەر قويۇۋالغان يىگىت كىرىپ سالاملاشتى.
— ماۋۇ، — دېدى ھۈسەيىن گەپنى خەتلەپ كۆك كۆز يىگىتنى تونۇشتۇرۇپ، — ئىراندىن كەلگەن شىرازلىق تالىپ، ئېتى سۇلايمان شىرازى. شەرق تارىخىنى، ئۇيغۇر تىلىنى
ئۆگىنىپ كەلگەن، — ئاندىن ئۇ بېشىغا رومال سېلىپ چەمبەر قويۇۋالغان يەنە بىر يىگىتكە كۆز سېلىپ دېدى، — مەككىدىن شەرق ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىپ كەلگەن مەزىنئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى ئوسمان. شېئىر يېزىشقا ھەۋەس قىلىدۇ، خاقانىيە تىلى①نى ئوبدان ئۆگىنىپتۇ.
يۈسۈپ ئالىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن بىلىندىكى، ساچىيە مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەنلەر ئىچىدە رۇم، مەككە — مەدىنە، مىسىر، ئىراق، ئىران، ئافغان، بۇخارا، سەمەرقەنت، شاش، بالاساغۇن، مىغلاق، بەشبالىق، ئۇچ قاتارلىق مەملىكەت ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن ئوقۇرمەنلەر بار ئىكەن. ئۇلار ئاز دېگەندە بەش يىل، كۆپ بولغاندا يىگىرمە يىل ئوقۇپ بىلىم تەھسىل قىلىدىكەن، ئوقۇرمەنلەر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇمات ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق جەرياندا، شەرت — شارائىتى يار بەرگەن ۋاقىتقىچە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىش ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدىكەن، بۇ جەرياندا سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقىدىن ساۋات چىقىرىش، «قۇرئان كەرىم» نى راۋان ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئاساس قىلىنىدىكەن. قوشۇمچە ئەخلاق دەرىسى، ئىملا — خۇش خەت دەرىسى، دۇنيانى، ئۆزىنى تونۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا دىنىي دەرس ئوقۇلىدىكەن. باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغانلارغا شاھادەتنامە بېرىلىدىكەن. خالىغانلار ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. شارائىتى يار بەرمىگەنلەر ھۈنەر، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن مەدرىسىدىن ئايرىلىدىكەن.
ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغانلار ئەرەب تىلىنى داۋاملىق پىششىقلاپ، پارس تىلى، ئەدەبىيات، مۇزىكا، تارىخ، ھېساب، مەنتىقە، كىمياگەرلىك، فىزىكا، ئىلمىي نۇجۇم، پەلسەپە، تىبابەت ئىلمىي قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىدىكەن، ياخشى ئوقۇغانلار بەش يىلدا، ئادەتتىكىچە ئوقۇغانلار يەتتە — سەككىز يىلدا ئىككىنچى
① خاقانىيە تىلى — قەشقەرنى ئاساس قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى.
باسقۇچلۇق ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە شاھادەتنامە ئالىدىكەن. خالىغانلار، بىلىملىك ئادەم بولۇشقا بەل باغلىغانلار ئۈچىنچى باسقۇچلۇق بىلىم ئىگىلەشنى باشلايدىكەن. «قۇرئان كەرىم» نى تەپسىر قىلىش، ھەدىس ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان ئىسلام پەلسەپىسى ۋە خالىغان پەننى ئوقۇشقا كىرىشىدىكەن. ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئوقۇغانلار بەش يىلدا، ئادەتتىكىچە ئوقۇغانلار يەتتە - سەككىز يىلدا ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ئوقۇشنى تاماملاپ، بۇغرا قاراخاننىڭ خاس مۆھرى، ئۇلۇغ ھاجىپ، باش ۋەزىر، شەيخۇلىسلام، باش مۇدەررىس، مۇدەررىسلەرنىڭ مۆھرى بېسىلغان ئالىي مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكى — داموللا بولغانلىقى توغرۇلۇق گۇۋاھنامە ئالىدىكەن.
ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ مەدرىسە ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن دېدى:
— ئوردۇكەنت ئەتراپىدىكى يېزا ئېتىزلاردا مەدرىسە يېمىز ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان مىڭ چارەكتىن ئارتۇق ۋەقىپ يەر، ئۈچ جايدا باغ، جۇۋازخانىمىز بار. ئاشلىق، خىراجەتتىن قىسىلمايمىز. دۆلەت خەزىنىسىدىنمۇ پۇل، نەرسە - كېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. تالىپ، مۇدەررىسلەرنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە. ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى باي، كەمبەغەل، چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلماستىن مەدرىسەمىزگە ھەقسىز قوبۇل قىلىنىدۇ…
ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ «قۇزغۇردىكى مەدرىسەلەرگە ئوخشايدىكەن، لېكىن بۇ يەردە مۇدەررىسلەرمۇ، تالىپلارمۇ كۆپرەك ئىكەن، چوڭ پايتەخت - دە…» دەپ ئويلىغان رەيھاندىن ئوغلىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ئوتتەك چاقناپ كەتكەن كۆزلىرىدىن بىلدى.
يۈسۈپ ئەبۇ ھەسەن تېگىن، مەھمۇد تېگىن ۋە ئۇلارنىڭ
ساۋاقداشلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. سوقراتنىڭ قەتئىيلىكى، ئەپلاتوننىڭ پەزىلىتى، ئارىستوتېلنىڭ بىلىمەرەملىكى، لوقمان ھېكىمنىڭ تاپقىرلىقى، فارابىنىڭ شېرىن سۆخەنلىكى توغرىسىدا؛ ھۆججاجنىڭ① زالىملىقى، نۇشىرۋاننىڭ ئادىللىقى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ باھادىرلىقى ھەققىدە شۇنداق قىزغىن سۆھبەت بولدىكى، گويا قەلب كۆكىدە گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چېقىلغان چاقىندا سوغۇقتىن توڭلاشقا باشلىغان تەنلەر ئىسسىدى، شارقىراپ ياققان يامغۇردىن قاغجىراپ كەتكەن قاقاس يەرلەر كۆكەردى …
سەما بولۇپ كۆڭلى يايرىپ قالغان ھۈسەيىن ئىبنى سىنا خەلق ئۆلارنىڭ پاساھەتلىك ئوقۇدى، رەيھاندىننىڭ چېھرىدە قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئىسسىق تەبەسسۇم پەيدا بولدى. «نېمىدىگەن پاساھەتلىك يىگىتلەر - ھە! ئۆلارنىڭ ئالدىدا ئوغلۇم مات بولۇپ قالمايدى، بەلكىم ھەممىيلەننى ئاغزىغا قارتىۋالدى. مەھمۇد تېگىن ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن. گەپ - سۆزلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق، ئولتۇرۇش - قوپۇشى شۇنداق قائىدىلىك، ئاجايىپ چېچەن بالا ئىكەن» دېدى ئىچىدە.
يۈسۈپ ھۈسەيىن ئىبنى سىناپكىمۇ، شاھزادىلەرگىمۇ يېقىپ قالغانىدى. يۈسۈپكە ھەممىدىن يېقىپ قالغىنى مەھمۇد تېگىن ئىدى. بۇ بالا شاھزادە يۈسۈپنىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلۇپلا قالماي، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قوللىغانىدى.
داستىخان بىر قېتىم يىغىشتۇرۇلۇپ قايتىدىن سېلىندى. ھەربىر كىشىگە ئايرىم - ئايرىم پولو قويۇلدى، پولوغا توشقان، قىرغاۋۇل گۆشلىرى بىلەن بېھى سېلىنغانىدى.
ھۈسەيىن ئىبنى سىناپ شاگىرتلىرى بىلەن يۈسۈپكە سەپىسىلىپ ئولتۇرۇپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئۆنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپات بولغان ئىككى ئوغلى يادىدىن كەچكەندى. ئۆ زورغا
① ھۆججاج — زالىم پادشاھ.
كۈلۈمسىرەپ مېھمانلارنى تاماقتىن كېيىن دەرس ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلدى.
3
يىپەك ئۈچ كۆڭلەككە كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان دىلدار دەرىزىدىن ھويلىغا پات - پات كۆز سالاتتى ۋە خورسىنىپ قوياتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ مېلىنى تارتىۋاتقان نەرسە شىلدىرلاپ يەلپۈنگەن يېشىل ئارچا، پۆرەكلەپ ئېچىلغان قىزىلگۈل ياكى ئەمدىگىنە يوپراق چىقارغان ئۈزۈم تېلى ئەمەس ئىدى. ئۇنداق بولسا ئۇنى قىزىقتۇرغان پېشايۋان ناۋاسىدىكى ئۇۋىسىدا ئۇچۇرما بولغان باچكىلارغا يەم بېرىۋاتقان كەپتەرمىدۇ، يا دەرەخ شېخىدىكى يېقىملىق ئۈنى بىلەن كۆكلەم پەسلىگە مەدھىيە ئوقۇۋاتقان كاككۇكمىدۇ؟ … دىلدارنىڭ تال - تال كىرپىكلىرى ئوراپ تۇرغان مۇڭلۇق كۆزلىرى يەنە ھويلىغا تاشلاندى. ئۇنىڭ نەزەر قوشى ھويلىدىكى گۈل - دەرەخلەرگە ئەمەس، قاراڭغۇ دالاندىن ئۆتۈپ، قورو دەرۋازىسىنىڭ ھالقىسىغا قونغانىدى. ئەجەبا … قىيا ئوچۇق دەرىزىدىن كىرگەن مەيىن شامال ئۇنىڭ چىكە چاچلىرىنى يۈزىگە چۈشۈرۈپ كۆزلىرىنى توسۇۋالسا، بېشىنى شۇنداق بىر قىيغىتىپ كەينىگە تاشلايتتى. ئىشى تېز - تېز بولۇپ، قوللىرى ئىشتىن توختاپ قالاتتى، ھەسەتلىك كۆزلىرى قايتىدىن ھويلىغا تەلمۈرەتتى … ئۇلۇغ تەڭرى ئادەمنى ياراتقاندا، ئۇنىڭ كۆڭلىگە مۇھەببەت ئاتلىق ئۇلۇغ سېھرىنى يوشۇرۇپ قويغانىكەن. شۇڭا، ئادەم ھاۋانى كۆرۈپلا ئاشىقى شەيدا بوپتۇ. شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن شېرىن مېۋىنى يەپ قويۇپ جەننەتتىن قوغلۇنۇپتۇ. ھالبۇكى، رەھىمدىل تەڭرى ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ، بالىلىق بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، دۇنيا
مۇھەببەت بىلەن ئاۋاتلىشىپ، مۇھەببەت بىلەن گۈللىنىدىكەن. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇھەببەت ئىنسان ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سېھرلىك تۇيغۇدۇر. مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، مۇھەببەتكە گىرىپتار بولسا، كۆپىنچە ھالدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقتىن ئىبارەت شېرىن ئازابقا دۇچار بولىدۇ، بۇ كۆيۈك دەپ ئاتىلىدۇ. دىلدارمۇ يۈسۈپ كەلگەندىن بېرى ئەنە شۇنداق ئوتى ئۆچمەس كۆيۈك بىلەن پۇچىلىنىپ، كۈندىن - كۈنگە تارتىلىپ زىلۋالىشىپ كېتىۋاتاتتى. دەردى بىر تەڭرىگە مەلۇم ئىدى، ئانىسىمۇ بىلمەيتتى.
ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن ساچىيە مەدرىسىگە ماڭغاندا دەرىزە كەينىدىن تەلمۈرۈپ قالغانىدى. يۈسۈپ شۇ كەتكەنچە چۈشتىمۇ قايتمىدى. غەپلەتتە بولۇپ قالغان دىلدارنىڭ گېلىدىن چۈشلۈك تاماقمۇ ئۆتمىدى.
— نېمە بولدۇڭ، قىزىم، بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ نېمىشقا يىلىكتەك شېرىن نېرىن چۆپنىمۇ يېگۈڭ كەلمەيدۇ، بالام؟ — دەپ سورىدى يېنىغا كەلگەن خانكىش ئاغىچا ئەنسىرەپ.
— ياق، ئاپا. بىر يېرىم ئاغرىغىنى يوق. بىلمەيمەن، كۆڭلۈم ھېچ نەرسىنى تارتمايدۇ، يېگۈم يوق، — دىلدار بېشىنى چايقىغىنىچە ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا باش قويۇپ يىغلاپ كەتتى.
— بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدىڭ، قىزىم، نېمە بولغانسەن؟ — دېدى ئانا قىزىنىڭ ئوچۇقىغا يېيىلغان قوڭۇر چاچلىرىنى سىلاپ، — ئېيتقىن قىزىم، زادى نېمە بولدۇڭ؟
— مەن … — قىز ئانىسىنىڭ بېلىدىن چىڭ قۇچاقلاپ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى.
— ئېيتالمايمەن، ئانا، سورىما، خۇش بولۇپ كېتەي، سورىما … سورىما، ئانا …
خانكىش ئاغىچا قىزىنىڭ ئىزا تارتىپ كېتىۋاتقىنىدىن دەردىنى بىلگەندەك بولدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز خانىسىغا
چىقىپ كەتتى. «خۇدايىم يالغۇز قىزىمنى مۇرادىغا يەتكۈزسۇن» دېدى ئىچىدە.
«بىر ئېغىز گەپنى ئاڭلىماي، بىر قېتىممۇ نەزىرىگە مۇيەسسەر بولالماي، بۇ يەردە يىغلاپ قالارمەنمۇ، ئو شۇنداقتىلا كېتەرمۇ؟» بۇ سوئال دىلدارنىڭ يۈرىكىنى قوغۇندەك تىلىۋەتتى. يۈسۈپ بۈگۈنلا كېتىپ قالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ باغرى ئېچىشتى. پېشىن نامىزىنى ئۆتۈگەندىمۇ، نامازدىگەرنى ئوقۇغاندىمۇ: «تەڭرىم، ئاجىزە قۇلۇڭنى بەختسىز قىلىپ قويما» دەپ ئىلتىجا قىلدى. جاينامازدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئىشىك ھالقىسىنىڭ قېقىلغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولۇپ، دۇئا قىلىۋېتىپلا ئېتىلىپ دەرىزە ئالدىغا كەلدى. دېگەندەك، رەيھاندىن بىلەن يۈسۈپ خىزمەتكارلىرى بىلەن ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئالدىغا چىققان بەگتاش جالالىدىن ئۇلارنى باشلاپ مېھمانخانىغا كىرىپ كەتتى. «يەنە قاراپمۇ قويمىدى، دۇنيادا يولىغا قاراپ بىتاقەت بولغان مەندەك بىر ساپ دىل مەشۇقنىڭ بارلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان دىلدارنىڭ كۆزىدىن ئاققان يېشى ئەتلەس كۆڭلىكىنىڭ ئىتەكلىنى ھۆل قىلىۋەتتى. «كەچلىك تاماقمۇ تەييار بولغان ئوخشايدۇ. بىچارە ئاپام مېنى ئۆز ھالىمغا قويۇپ ياردەملىشىشكىمۇ چاقىرماپتۇ. ئۆپكە - ھېسىپنى قويۇپ پىشۇرغۇچە تازا قىينالغاندۇ؟ ئاھ تەڭرىم، ھىجران ئازابىدىن مەن ئاجىزەنى قۇتقۇزغىن» دېدى ئۇ ئىچىدە نالە قىلىپ.
مېھمانخانا ئايۋانغا يانداش سېلىنغان بولسىمۇ، بۇ ئىككى ئۆيدىكى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىر سائەتلەردىن كېيىن بەگتاش جالالىدىن رەيھاندىن بىلەن سىرتقا، يۈسۈپ مەنزىل ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ دىلدار ئۆنداق ئويلاپ، مۇنداق ئويلاپ، ئاخىر بالاساغۇنلۇق «ھاكاۋۇر» يىگىت بىلەن كۆرۈشۈش قارارىغا كەلدى. ئۇ مەنزىلگە چىقىپ - چۈشكەندە بىرەر قېتىممۇ
دېرىزىگە قاراپ قويمايدىغان، ھەتتا ئايىغى ئاستىغا تاشلانغان سۆيگۈ ياملىقنى ئېلىپ تۇرۇپمۇ، ئىگىسىنى ئىزدەپ باقمىغان يىگىتنى «ناھايىتى ھاكاۋۇر بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ قالغانىدى.
زاۋال ۋاقتى ئۆتۈپ، كەچكى شەپەقنىڭ ئالتۇن شولىسى دېرىزىدىن يەتكەندە، دىلدار شام نامىزىنى ئۆتەپ بولغانىدى. «تەڭرىم، ھاۋائانامغا ئادەمئاتامنى مەپتۇن قىلىپ ھۆر تۇرمۇشنى بەرپا قىلغان سەن ئۆزۈڭ، مەجنۇن بىلەن لەيلىنى بىر - بىرىگە شەيدا قىلىپ، ئايرىۋەتكەنمۇ سەن ئۆزۈڭ. ئاجىزە قولۇمنى جۈرئەتلىك، ئىرادىلىك قىلغىن. ئۆزۈڭ تەقدىر ئەتكەن قىسمەتنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دەپ مۇناجات قىلىپ جاينامازنى يىغدى. قەندىلدىكى چىراغنى يورۇتۇپ كۆتۈرگىنىچە ھويلىغا چىقتى. كۆڭلىدىن «ئانام ئاشخانىدا ئىكەن، قاچا - قۇمۇچلارنى يىغىشتۇرۇۋاتسا كېرەك» دېگەن ئوي كېچىپ سۈپۈرگىنى ئالدى - دە، تامغا يانداپ ياغاچتىن كۆركەم ياسالغان توققۇز پەلەمپەيگە پۇت قويدى.
ئەمدى كۆتۈرۈلگەن ھىلال ئاينىڭ كۈمۈش نۇرى چۈشكەن مەنزىر ئۆيگە چىراغ يېقىلمىغاندەك قىلاتتى. دىلدار مەنزىر ئۆينىڭ چىرايلىق ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىۋاتاتتى. سۈرە «ۋاقىئە» نى تىلاۋەت قىلىۋاتقان يۈسۈپنىڭ دەريا سۈيىنىڭ شارقىرىشىدەك يېقىملىق ئۈنى ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئاۋازى شۇنچىلىك لەرزان، شۇنچىلىك جەلىپكار ئىدى. «ئابام بۇلارنى بالىخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياخشى قىلغانىكەن، ئەتراپ بەش قولدەك ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن» دېدى قىز ئىچىدە ھەر تەرەپكە كۆز يۈگۈرتۈپ. ئۇنىڭ كۆيۈپ يالقۇنجاۋاتقان ۋۇجۇدى غەلىتە بولۇپ كېتىۋاتاتتى. قىز ئىشىكنى چەكمەكچى بولۇپ ئۇزارتقان قولىنى يىغىۋالدى. چۆشۈپ كەتكۈدەك بولدى - يوق، غونچىدەك لەۋلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى.
شەيدالىق شۇنداق بىر نازۇك تۇيغۇ بولسا كېرەك. ئادەمنىڭ شۇنچە كۆرۈشكۈسى كېلىپ تۇرۇپمۇ كۆرۈشەلمەي پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدىغان، سۆزلىشىشكە تەقەززا بولسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى ئىزھار قىلالمايدىغان ھالەتنى ئەنە شۇ تۇيغۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نېمىدىگەن ئۆز - ئۆزىنى قىيناش - ھە!
جىسمانىي ئازابنىڭ ئەڭ دەھشەتلىكى ئاچ قويۇپ قىيناش. روھىي ئازابنىڭ ئەڭ ھەسرەتلىكى ئىنتىزارلىق. ئاچلىقتىن قىينالغان كىشى جاننى قولىغا ئېلىپ بېسىمدارغا ئېتىلغاندەك، ئىنتىزارلىق دەردىنى تارتقان ئاشىقمۇ جاندىن كېچىپ جانانغا يېتىشكە ئىنتىلىدۇ. بۇ ئىنتىلىش يا مۇراد بېغىدا ۋىسال تاپۇرىدۇ، يا جۇدالىق دەشتىدە ھالاك بولغۇزىدۇ. بۇنداق ئىرادىگە كېلەلمىگەنلەر ئاشىق - مەشۇق ھېسابلانمايدۇ.
دىلدار ئەنە شۇنداق سېھىرلىك تۇيغۇنىڭ دەۋىتى بىلەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ئىشىكنى چەكتى. جاۋاب بولمىغاندىن كېيىن، ئىشىكنى ئاستا ئىتتىرىپ ئۆيگە كىردى. بېھى، ئالامنىڭ خۇشبۇيى دىمىغىغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى.
ھويلىنىڭ غەربىدىكى سالاسۇنلۇق ساراي ئۆينىڭ ئۈستىگە كىچىك پېشايۋان چىقىرىپ سېلىنغان بۇ ئۆينى ئائىلىدىكى ھەممەيلەن ئادەتتە «بالىخانا» دېيىشسىمۇ، مېھمانلار ئالدىدا «مەنزەر» دەپ ئاتاپ ئەتۋارلىشاتتى. دېمىسىمۇ قەشقەر شەھىرىدە بۇنداق ئازادە بالىخانىسى بار ئائىلىلەر ساناقلىق ئىدى. بەگتاش جالالىددىن ئاتىسىدىن قالغان بۇ قەدىم جاينى كېڭەيتىپ ياسىغاندا، بالىخانا سېلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنىدى. بۇدە، سامان قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، ياز كۈنلىرى ھاۋالىنىش، قاراپ نەزەر سېلىش ئۈچۈن، قىش كۈنى قازناقتا مېۋىلەرنى شاختىن ئۈزۈلگەن پېتى ساقلاش ئۈچۈن چوڭ، كۆركەم ئىككى ئېغىز قىلىپ سالدۇرغانىدى. بالىخانىنىڭ ھويلىغا قارايدىغان تېمىغا ئىككى دېرىزە قويۇلغانىدى. قالغان تاملىرىغا چىرايلىق
نەقىشلەنگەن ئويۇق، تەگچىلەر چىقىرىلغان بولۇپ، تەتەللادىن زەپئال تۇتۇلغانىدى. يەرگە سېلىنغان گۈللۈك، رەڭدار گىلەم ئۆينى بۆلەكچە چىرايلىق قىلىۋەتكەنىدى. ئويۇق - تەگچىلەرگە تىزىۋېتىلگەن ئالما، ئانار، بېھىلەر بەجايىكى زىننەت بۇيۇملىرىدەك يارىشىشقانىدى.
دىلدار چىراغنى تەگچىگە قويدى. سۈپۈرگىنى تۇتقانچە، جايناماز ئۈستىدە قۇرئان تلاۋەت قىلىۋاتقان يۈسۈپكە ئارقىسىدىن قاراپ، تاڭ شامىلىدا ئىرغاڭلىغان ئالما دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىدەك تىترەپ كەتتى…
بىرسىنىڭ كىرگىنىنى تۇيغان يۈسۈپ دۇئا قىلىپ قوپتى. ئۆرۈلۈپ، دەقىقە داۋام قىلغان تىكىلىش ئونى تېڭىرقاپ قويدى. ئالدىدا زىلۋا قامەتلىنى يېشىل رومال يوشۇرغان بىر قىز تۇراتتى. «بېگتاش جالالىدىن ئاغامنىڭ قىزى ئوخشىمامدۇ، ماڭا ياغلىق تاشلىغان مۇشۇ رەنا ئىكەن - دە، شۇ ئىكەن، كۆڭلۈم تۇيۇۋاتىدۇ…» دەپ ئويلىغان يۈسۈپ:
— ئولتۇرسىلا خان قىز، ئۆيدە تەنھا قىلىشىمنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارىمىغايلا، — دېدى نەزىرىنى ئونىڭدىن يۆتكەپ.
— يوقسۇ، ئونداق قارامىدغان. بۇ مەنزىر ئۆينى سۈپۈرۈۋېتەي دەپ چىققانىدىم. سىلىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەپتىمەن، — دىلدارنىڭ ئونى ناھايىتى ھەسەرەتلىك چىقتى، — ئۆزلىرىگە مالال كەلمىسە ئولتۇرسام بولامدۇ؟
بۇنى كۈتمىگەن يۈسۈپ ئارسالدى بولۇپ قېلىپ:
— ئولتۇرسىلا خان قىز، بۇ ئۆزلەرنىڭ ئۆيىغۇ، — دېدى.
— رەھمەت، — دىلدار سېلىقلىق مەخمەل كۆرپىنىڭ چېتىگە تىزىنى قويدى، — بۈگۈن تەڭرى نېسىپ قىلىپ سىلى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم، — ئونىڭ ئاران ئاڭلىغۇدەك بوش ئۈنى، ئىزادىن شەپەرەدەك قىزىرىپ كەتكەن چىرايىنى رومال سىرتىدىن يۈسۈپ كۆرەلمەي قالدى. قىز يۈسۈپنىڭمۇ ئىزادىن
قولاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ دادىللىشىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — تەقدىرىم پېقىرەنى ئويلىمىغان چاغدا، كۈتمىگەن جايدىن ئىشق بالاسىغا گىرىپتار قىلدى. بۇنىڭدىن شۇنىڭ ئۈچۈن مىننەتدارمەنكى، كۈتۈش، ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمدىن سىلىنىڭ قىلچە خەۋەرلىرى يوق. بۇ ھاياتىمدا ئەڭ مەنىلىك ئۆتكەن كۈنلەر بولدى. ھالبۇكى، ئىسمىشەرىپلىرىنى ماڭا بىلدۈرۈشنى خالاش — خالىماسلىقلىرىنى تېخى بىلمەيمەن.
— ئىسمىمنى بىلمەكچى بولسىلا، ئېيتىپ بېرەي. ئىسمىم يۈسۈپ، رەيھاندىن بەگنىڭ ئوغلى بولىمەن، — ئۆز تۇيغۇسىنىڭ توغرا چىققانلىقىدىن چۆچۈگەن يۈسۈپ جىم بولۇپ قالدى.
— پېقىرەنىڭ ئىسمىنى بىلىشنى خالامدىلا؟
يۈسۈپ دەرھال جاۋاب بەرمىدى. «خالايمەن» دېسە ئۇنىڭغا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولاتتى. «خالىمايمەن» دېسە قىزنى رەنجىتىپ قوياتتى. شۇڭا:
— ئىسىملىرى گۈزەل مەنىلىك بولسا كېرەك، خان قىز، — دەپ قويدى.
— دىلدار …
— راستلا گۈزەل ھەم مەنىلىك ئىكەن.
دىلدار تېخىمۇ جىددىيلىشىپ سورىدى:
— ئوردىكەنتكە كېلىشتىكى مۇددىئالىرى نېمىكىن؟
— دوستلار بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئۆگىنىش.
— مۇددىئالىرىغا يەتكەيلا، يۈسۈپ؟
بۇ چاغقىچە ئۇنى ئاقىرانە «بەگ» نى قوشماي ئىسمىنىلا ئاتاپ چاقىراتتى. دىلدارنىڭمۇ بەگنى قوشماي ئىسمىنىلا ئاتىغانلىقى ئۇنى تەسىرلەندۈردى. «سەمىمىي، راستچىل، پەزىلەتلىك قىز ئىكەن، ئۇنى ھەرگىز رەنجىتىپ قويماي …» دەپ ئويلىدى يۈسۈپ.
— مۇددىئايىمغا تەقدىرىم يەتكۈزۈۋاتىدۇ، خان قىز.
ديلدارنىڭ چىرايى تۇتۇلدى. — ئىسمىمنى تىللىرىڭىزغا ئېلىشنى خالىمامسىز، يۈسۈپ؟ — ياق، ئۇنداق ئەمەس، ديلدار، — دەرھال جاۋاب قايتۇردى يۈسۈپ، — ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن دەپ ئىسىملىرىنى ئاتىمىغانىدىم. يۈسۈپ ئەقىلگە كەلگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم يالغان سۆزلىدى. بۇ ئىختىيارسىز بولدى، قىزنى رەنجىتىپ قويماي دەپلا شۇنداق قىلدى. ئەسلىدە بولسا ئىسمىنى ئاتىغۇسى كەلمىگەنىدى. ئىسمىنى ئاتىسا ئۈمىدلەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، چوڭ كىشىلەرگە ئوخشاش سىپايە ئاتالماقنى قوللانغانىدى. قىزنىڭ خاپا بولغانلىقىنى ئۈنىدىن بىلىپلا، رەنجىپ قالمىسۇن دەپ يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. — ھە، بىلدىم، سىلى بەك ئەدەپلىك ئىكەنلا، يۈسۈپ. مەن يۈزى ئېچىلمىغان بىر قىز بولساممۇ، كۆڭلۈمدىكىنى سىلىگە ئېيتىشتىن بۇرۇن، بىر قانچە سوئالىمغا جاۋاب بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، — ديلدار سىنچى كۆزلىرى بىلەن يىگىتكە سەپالدى. يۈسۈپنىڭ قىزغۇچ ئاق چىرايىدا ئەجەبلىنىشلىك ئالامەتتىن باشقا ئۆزگىرىش يوق ئىدى. «ئۆزىگە بىر دىلبەر قىزنىڭ تەلمۈرگىنىنى سەزمىگەندەك ئولتۇرغىنىغا قارىغاندا، مەن سىغقۇدەك جاي ئۇنىڭ كۆڭلىدە يوق ئىكەن. ئىلاھىم، بۇ ئويۇم يوققا چىققايمۇ…» — بولىدۇ، ديلدار، سورىسىلا، جاۋابىمدىن قانائەتلىنەلمىسەم خوش بولاتتىم، — دېدى يۈسۈپ سەگەكلىشىپ. خىيال يىپى ئۈزۈلگەن قىز مۆجۈلۈنۈپ سورىدى: — بۇ بىپايان دۇنيادا سىلىنى ئەڭ قىزىقتۇرىغان نەرسە نېمە؟ — بىلىم. — ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىچۇ؟ — بىلىم. — سىلىنى ئۆزىگە ئەڭ مەپتۇن قىلغان، سىلىمۇ بەجاندىل
سۆيگەن نەرسە نېمە؟ — يەنىلا بىلىك. — ھە … — ديلدار قاتتىق سېلىپ كېتىۋاتقان يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدىشىنى بىرئاز تەڭشەپ، ئاندىن دېدى: — بىلىككە مەنمۇ ئەسىر، بىلىك مېنىڭمۇ مەشۇقۇم، خۇددى سىلىدەكلا بىلىكنى سۆيىمەن. يۈسۈپنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولدى. — بىلىك مېنىڭمۇ مەشۇقۇم. ئۇنى ئالەمدىكى ئەڭ ساھىبجامال، ئەڭ خۇشخۇي، پەزىلەتلىك، لاتا پەتلىك پەرىگە ئوخشىتىپ ئىشقدا كۆيىمەن. تېخى ۋىسالىغا يەتكىنىم يوق. ديلدار ئۇلۇغ — كىچىك تىندى. ھېلىقى رومال كۆپكەندەك بولدى. جىلىتكىگە قىسىپ تۇرغان كۆكرىكى بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسلەيتتى. يۈسۈپ قىزغا بىرەر قېتىممۇ تىكىلىپ قارىمىدى. قىزنىڭ گۈل بەرگىدەك لەۋلىرى تىترەپ — تىترەپ ئېچىلدى. — يىگىرمۇ بىلىكنى ناھايىتى كېلىشكەن، كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىغان مەرد — مەردانە بىر يىگىتكە ئوخشىتىمەن. يۈزلىگەن كىتابلارنى كۆرگەن بولساممۇ، دىدارىغا قانغىنىم يوق. «نېمىشقا بىلىكنى گۈزەل قىزغا ئوخشىتىپ ئونداق تەۋرىنىپ كەتكەندىمەن؟ ديلدارمۇ بىلىكنى يىگىتكە ئوخشىتىپ مېنى لال قىلىپ قويدى. بوش قىز ئەمەس ئىكەن …» — ئىككىمىزنىڭ قىزىقىدىغىنىمىز، ياخشى كۆرىدىغىنىمىز، سۆيگىنىمىز ئوخشاش ئىكەن، يۈسۈپ. ئېيتسىلا، بىلىك ۋىسالىغا يېتىشتىن مۇراتلىرى نېمە؟ — ديلدارنىڭ بۇ سوئالى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. — ئەلگە ئاسايىشلىق بېخىش ئېتىش. — ئائىلىلىرىگىچۇ؟ — ئەل ئاسايىشلىق تاپسا، ئائىلەم ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ ئەمەسمۇ؟
دىلدار جىمىپ كەتتى. يۈسۈپ «بۇ قىز يەنە قانداق سوئاللارنى سورار؟» دەپ كۆزلىرىنى يەردىن ئالماي سۈكۈت قىلدى. قىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق ئېيتالماي، باشقا نەرسىلەرگە ئىما قىلىش ئارقىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇ بىلگەنىدى.
يۈسۈپ زۇۋان سۈرمىگەندىن كېيىن دىلدار ئۆزى ئېغىز ئاچتى:
— سىلى ئەتكەن ساچىيە مەدرىسىگە ماڭغاندا دەرىزىدىن قاراپ قالغانىدىم. خۇشال كېتىپ ئويغا چۆمگەن ھالدا يېنىپ كەلدىلە. سىلىنى نېمە مەيۈسلەندۈرۈپ قويدى، كۆڭۈللىرىگە كەلگۈدەك بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىلىشكە تەقەززا بولغان قىزغا تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولسىلا.
قىزنىڭ بۇ ئۆتۈنۈشىدىن بىلدىكى، ياغلىقنى تاشلىغان قىز باشقا بىرسى ئەمەس، دىلدار. بۇ خىيال ئىلىكىدە جىددىيلەشكەن يۈسۈپ دېدى:
— مەدرىسىدە مەيۈسلىنىدىغان، كۆڭلۈمگە كېلىدىغان ئىش سادىر بولمىدى، دىلدار. لېكىن، ئويلىنىپ قالغىنىم راست. قوزۇردۆدىكى چېغىمدا، ساچىيە مەدرىسى ۋە ئۇنىڭ ئاتاقلىق مۇددەرىسلىرى توغرىسىدا ئۇستازىمدىن ئاڭلاپ، بېرىپ بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغانىدىم. بۈگۈن تەھرىم تىلىكىمگە يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىشقا مەيۈسلىنەي.
— ئۇستازلار، تالىپلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلا؟
— ئەلۋەتتە، ئارزۇيۇممۇ شۇ تۇرسا، — يۈسۈپ ئېچىلىپ سۆزلىدى، — بىلىم بۇلىقى بولغان ساچىيە مەدرىسىنى كۆردۈم. ئۇستازلار، تالىپلار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپلا قالماي، ئەبۇ ھەسەن تېگىن، مەھمۇد تېگىن قاتارلىق بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان تېگىنلەر بىلەنمۇ تونۇشتۇم. ئۇستاز ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ، مۇھەممەد بىننى ئەل كاشغەرىي قاتارلىق ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشقا، ئالەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پەلسەپە دەرىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
ئۇستاز ھۈسەيىن ئېبنى خەلەپنىڭ: «جاھان چوڭ بولغان بىلەن، ئۆزۈدەنگەن ئادەم ئۈچۈن ئۇنى بىلمەك تەس ئەمەس. ئادەم كىچىك بولغان بىلەن، ئۆز - ئۆزىنى تونۇماق، بىر - بىرىنى چۈشەنمەك ئاسان ئەمەس» دېگەن سۆزى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. بۇ ھەقتىكى بىلىمىمنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى ھېس قىلدىم. مۇشۇ ئوي بىلەن يېنىپ كەلگەنىدىم. سىلى كۆرۈپلا، لېكىن خاپا ئەمەس ئىدىم.
- ئەمدى بىلدىم. بۈگۈن سىلى ئۈچۈن مەنىلىك ئۆتكەن بىر كۈن بوپتۇ. ماڭىمۇ ھەسرەتلىك بىر كۈن بولدى، - دىلدار ئۆھ تارتتى، كۆز يېشىنى سۈرتۈپ سورىدى، - جانىبىدا غوجام بىلەن ئىلمى ئاتايى غوجام توغرۇلۇقمۇ پاراڭ بولغاندۇ؟
- ياق.
- ئوردۇكەنتتە بولغان ھەرقانداق سورۇندا، بۇ ئىككى ئەزىمەتنىڭ گېپى بولماي قالمايتتى، بۈگۈن ئەجەب گېپى بولماپتىغۇ؟
- بونى بىلمىدىم، بەلكى ۋاقىت يار بەرمىگەن بولسا كېرەك. قايتىدىغان ۋاقتىمىزدا ئۇستاز ھۈسەيىن ئېبنى خەلەپ ئەسكى ھىساردىكى بېغىغا چايغا تەكلىپ قىلدى، جۈمە كۈنى چىقىدىغان بولدۇق.
- تازا ياخشى بوپتۇ، يۈسۈپ، سىلى بۇ ئىككى ئەزىمەتنىڭ قەبرىسىنى كۆرىدىغان بوپتىلا.
- بۇ نېمە دېگەنلىرى، دىلدار، بۇ ئىككى ئەزىمەت زادى كىم؟ - يۈسۈپنىڭ كۆزلىرى يېشىل رومالغا ئورالغان قىزغا تىكىلدى.
- بۇ ئىككى ئەزىمەت ھۈسەيىن ئېبنى خەلەپ ھەزرەتلىرىنىڭ ئوغۇللىرى. ئۇلارنىڭ جەسەتتى باغقا دەپنە قىلىنغان. چىققان كۈنى بۇ توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىشنى ئۇستازدىن ئۆتۈنىسىلەر. ئۇلارنىڭ شانلىق ھاياتىنى ئۆلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىزگىمۇ ئۇستاز ئۆزى سۆزلەپ بەرگەن.
— ھە، چۈشەندىم، دىلدار. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى ئەزىمەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈنىمەن. ئەجەبكى، سىلىمۇ ئۇستازدىن ئاڭلىغانمۇ؟
يۈسۈپ تەئەججۈپ ئىلكىدە قىزغا ئىككىنچى قېتىم باقتى. ئەپسۇس، رومال ئىچىدىن رەھاننىڭ چىرايىنى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، دىلدار يۈسۈپنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرۈپ، يۈزىنى ئاچمىغان بىلەن كۆڭۈل دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتتى. نازۇك ئۈنى شامالدا يەلپۈنگەن پەردىدەك تىترەپ چىقتى:
— پېقىر يەتتە يېشىمدىن ئون تۆت يېشىمغىچە مەۋلانا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپتە ئوقۇغانىدىم. نۇرغۇن قىزلارنى بېغىدا ئوقۇتاتتى. ئۇ چاغدا چوپۇق ئوغلىنىڭلا قەبرىسى بار ئىدى، كېيىن بۇ قەبرە ئىككى بولدى. بىزگە ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن. ئاڭلاپ نەچچە كۈنگىچە كۆز يېشىم قۇرۇمىغان، نامىزىمىزدا ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىمەن.
قىز ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆز يېشى قىلدى.
— يىغلىمىسىلا، دىلدار، ئۇلارنىڭ روھى ئازابلانمىسۇن، — يۈسۈپ تەسەللى بەردى. ئىككى ئەزىمەتنىڭ قانداق ۋاپات بولغانلىقى توغرۇلۇق سورىغۇسى كەلدى — ياق، قىزنىڭ ھەسرىتىنى كۈچەيتۈتمەي، دەپ ئېغىز ئاچمىدى.
ئۆينى جىمجىتلىق باستى. دىلدار ئۈنسىز ئۇزاق يىغلىدى. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى ئەزىمەت ئۈچۈن يىغلاپلا قالماي ئۆزى ئۈچۈنمۇ، يۈسۈپ ئۈچۈنمۇ يىغلىدى. ئۇنىڭغا كۆڭلىنى قانداق ئىپادە قىلسا بولاركىن؟ يۈسۈپ بىرەر ئېغىز گەپتىمۇ دىلدارغا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ باقمىسا، قىز قانداقمۇ «مەن سىلىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم» دېيەلىسۇن؟
يۈسۈپ قىزنىڭ ئۆز ئىشقىدا پۇچىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولغانىدى. بۇ توغرۇلۇق ئۆزى ئېغىز ئاچماسلىقنى ئارزۇ قىلىپ ئولتۇراتتى. ئاللىبۇرۇن بىر قارارغا كېلىپ بولغان
ديلدار كۆز يېشىنى سۈرتۈۋېتىپ يەنە سورىدى: — سىلى بالىچاقىلىق بولغانمۇ، يۈسۈپ؟ — ياق، تېخى … — ئادەمئاتا — ھاۋائانىغا، يۈسۈپ — زۇلەيخاغا، لەيلى — مەجنۇنغا تەڭرى ئاتا قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىلەمدىلا؟ — ئۇ مۇھەببەت، — دېدى يۈسۈپ تەمكىن ھالدا، — ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سېھىرلىك ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسى — مۇھەببەت. — مۇھەببەت نېمىشقا ئىرادىگە بويسۇنمايدۇ؟ — ئەگەر تەڭرى مۇھەببەتنى بەندىسىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ ئاتا قىلغان بولسا، نىكاھنىڭ قەدىر-قىممىتى، ھاياتنىڭ ھالاۋىتى بولمايتتى. — توغرا دېدىلە، يۈسۈپ. سىلىدىمۇ مۇھەببەت بولغانمۇ؟ يىگىت مەڭدەپ قالدى. ئۇ بۇ چاغقىچە ئۇستازىنىڭ ئالدىدىمۇ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي بۇنداق ئارسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالمىغانىدى. — بولدى، خىجىل بولمىسىلا يۈسۈپ، سوئالىمنى قايتۇرۇۋالدىم. يۈسۈپ ئاي يورۇقى چۈشكەن دەرىزىدىن كۆزىنى ئېلىپ قىزغا قارىدى: — سوئاللىرىڭا جاۋاب بېرىمەن، ديلدار. تەڭرىم ماڭىمۇ مۇھەببەت ئاتا قىلغان. ديلدار رومال ئىچىدىن يۈسۈپكە تەلمۈردى: — كۆڭۈل سارايلىرىدىكى مۇھەببەتنى كىمگە بېغىشلىغانلىرىنى پېقىرگە ئېيتىپ بېرىمەديلا؟ — نېمىشقا بۇنى بىلگۈلىرى كېلىپ قالدى؟ — سىلىگە بەخت تىلەش ئۈچۈن، — قىزنىڭ يىغلامسىرىغان ئۈنى ناھايىتى ھەسرەتلىك چىقتى.
ئەمدى گەپنى ئوچۇق قىلمىسا، قىزنى ئازابلاپ قويىدىغانلىقىنى بىلگەن يۈسۈپ كۆڭۈل قېتىدىكى سىرنى ئاشكارىلىدى:
— مەن پاك مۇھەببىتىمنى قوزغوردۇلۇق بىر قىزغا بېغىشلىغان.
بېشىغا تۇيۇقسىز مۆلدۈر چۈشكەندەك ئەندىكىپ كەتكەن دىلدار گەپ قىلماي جىمىپ كەتتى. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئېغىز ئاچتى:
— ئۇ قىزنىڭ ۋاپادار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالامسىز؟
— ئىشەنچىم كامىل.
— شۇنچە چىرايلىقمۇ؟
— جامالىلا ئەمەس، كۆڭلىمۇ شۇنچىلىك.
— زۆھرە يۇلتۇزدەمۇ؟
— يۇلتۇز ئاسماندا، ئىنسان يەردە تۇرسا، قانداقمۇ ئارىسىدا ئوخشاشلىق بولسۇن؟
— زۆھرە يۇلتۇزنىڭ ئەسلىدە بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىلا، يۈسۈپ؟
— نېمە؟ زۆھرە يۇلتۇزنى قىز دەمدىلا؟ — يىگىت ھەيرانلىق ئىچىدە قىزغا قارىدى. قارىدى — يۇ، ئۇنىڭ جامالىنى توسۇۋالغان يېشىل رومالغا كەشتىلەنگەن قىزىلگۈلنى كۆردى…
— زۆھرە يۇلتۇز راستلا بىر قىز ئىكەن، — قىزنىڭ ئۈنىدىكى ھەسەرلىك سادا يوقىلىپ، كاككۇك ئاۋازىدەك يېقىملىق ياڭرىدى، — بۇ رىۋايەتنى مەۋلانا ھۈسەيىن غېبىي خەلىپ ھەزرەتلىرىنىڭ رەپىقىسى ئۇستازىم خېرىنسە ئاغىچا ئېيتىپ بەرگەن، — دىلدار ئۆزىنىڭ بىر نامەھرەم يىگىتنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى، كۈندۈز ئەمەس، كېچە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك سۆز باشلىدى، — زۆھرە سودىگەرنىڭ يالغۇز قىزى ئىكەن. بىر كۈنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر شاھزادە ئۆگزىدە چاچ تاراۋاتقان زۆھرەنى كۆرۈپ قاپتۇ — دە، ۋۇجۇدىغا
ئىشق ئوتى تۇتىشىپ تۇرالماي ھويلىغا كىرىپتۇ. قىزمۇ بۇ تېمەن، چىرايلىق شاھزادىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. شاھزادىمۇ كۈندە بىر لېگەن تىللا ئېلىپ كېپتۇ، قىزنىڭ ئاتىسى - ئانىسى تېزلا بېيىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى كېچىدە شاھزادە ئىككى لېگەن تىللا ئېلىپ كېپتۇ ۋە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، قونۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئاتا - ئانا ماقۇل بولۇپ، قىزنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ. زۆھرە ئۆزلىرىنىڭ نىكاھى بولماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە تۇرسا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شاھزادەنى دەرھال چىقىپ كېتىشكە ئۈندەپتۇ. شاھزادە ئىشىكنى چىڭ تاقاپ قويۇپ، ئەمدى ئايرىلسا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، بۈگۈن كېچە ۋەسلىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆتۈنۈپ يېقىنلاپ كېپتۇ.
«پېقىرنى قىز قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ تەڭرىم، مەن شاھزادەنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ناھايىتى مەرد ۋە سۆيۈملۈك. لېكىن، نىكاھ بولماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە تۇرۇشنى خالىمايمەن. سېنىڭ رىزالىقىڭنى تىلەپ بۇ ئىتائەتكە كەلدىم. گۇناھ قىلىشتىن ئۆزۈڭ ساقلاپ ماڭا نىجاتلىق بەرگىن…» دەپ نىدا قىلغان ساپ دىل قىزنىڭ دۇئاسىنى خۇدا ئىجابەت قىپتۇ. پەرىشتە ئەۋەتىپ، ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن قىزنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپتۇ ۋە يۇلتۇز قىلىپ قويۇپتۇ. بۇ زۆھرە يۇلتۇز پاك ۋۇجۇدىدىن ھەر كېچىسى دۇنياغا سۆيگۈ نۇرلىرىنى چاچىدىكەن. باياتىن بۇ رىۋايەت ھېسسىمگە چۆشۈپ، ھېسلىرىم ئوردۇكەنتكە كەل مەستىن بۇرۇنقى ھالىتىمگە كېلىپ قالدىم. ئەمدى سىلىگە ئەرزىمىگەن چېھرىمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي، — دىلدار رومالنى قايرىدى.
يۈسۈپ تىزىغا قويۇۋالغان قوللىرىدىن كۆزىنى ئالالمىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرگەندە، دىلدار ئىشىك سىرتىغا چىقىپ بولغانىدى. پەقەت قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
— خەير — خوش يۈسۈپ، ئەلۋىدا …
ئون سەككىزىنچى باب: باغدىكى قوش قەبرە
1
يۈسۈپ كېچىچە ئۇخلىمىدى. تۈن يېرىم بولغاندا قايتىپ كەلگەن رەيھاندىن ئوغلىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى تۇيغان بولسىمۇ، ئارامىنى بۇزۇپ قويماي، دەپ قەشقەردىكى بىر قىسىم دەۋكار تىجارەتچىلەر بىلەن تۈزگەن سودا توختاملىرى توغرىلۇق سۆزلەپ بېرىشنى كېيىنگە قالدۇرۇپ يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى.
«دىلدەر ئاجايىپ ئەقىللىق، سەزگۈر قىز ئىكەن. ئۇ ئۈمىدسىزلەنمىدى، مېنىمۇ تەشۋىشتە قويمىدى، تەقدىرگە تەن بېرىپ ھىجران ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزدى. مۇبادا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، كۆڭلىنىڭ كەينىگە كىرىپ، يۈزىنى ئاچقاندا جامالىغا قارىغان بولسام، پاك سۆيگۈمگە داغ چۈشۈرگەن بولاتتىم. جامالىغا قارىمىغانلىقىم كۆڭلىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئۇنى ئىشق بالاسىدىن، يىپقىرىنمۇ ھاۋايى ھەۋەسنىڭ كېيىپ - ساپاسىدىن قۇتقۇزدى. ئەمدى مەڭگۈ يۈز كۆرۈشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ياغلىقمۇ مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ قالغۇسى…»
يۈسۈپنىڭ بۇ خىيالى توغرا چىقتى. ئۇ ئەتىگەندە ئاتىسى بىلەن چاي ئىچىپ ھويلىغا چۈشكەندە، ئايۋان دەرىزىسىدىن ھەر كۈنى تەلمۈرىدىغان دىلدارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. يۈسۈپ ئىشىكتىن چىققۇچە دەرىزىگە كۆز سېلىپ ماڭدى:
«دېلدار زۆھرەدەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ يۇلتۇزغا ئايلىنىپ قالغانمىدۇ؟…»
ئۇ يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كەتمىگەنىدى. ئۆز ھۇجرىسىدا ئىبىن سىنانىڭ «كىتابۇل ھىدايەت»① دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى …
رەيھاندىن ئوغلىنى تاۋار، كىمخاب، ئەتلەس كەبى يىپەك رەختلەرنى ساتىدىغان رەستىنى ئايلاندۇردى. مىسر شايىسى، سەمەرقەنت، بۇخارا بەقەسەملىرى، چاڭئەن كىمخابلىرى، ئىران گىلەملىرى، رىمنىڭ يىپەك رەختلىرى، قەشقەر شايىلىرى تولۇپ كەتكەن كاتتا رەستىدە خېرىدار ئاز ئەمەس ئىدى. يۈسۈپ قەشقەرلىك سودىگەرلەرنىڭ سىپايە، تەۋەززۇئلۇق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى ۋە ئاتىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر قانچە مەشھۇر زەردار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى. ئۇ يەردىن زەرگەر بازارلىرىغا كەلدى. خىلمۇخىل شەكىلدە نەپىس ياسالغان زىرە، سۆكە، ھالقا، زەنجىرلىك زۇننار، ئۈزۈك، بىلەزۈك قاتارلىق ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇزىننەتلەر كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئاجايىپ چىرايلىق ياسالغان بىر كۈمۈش رېھىلنى كۆرۈۋاتقاندا، ياقۇت كۆز قويۇلغان زۇننار سېتىۋېلىپ، شايى يەكتىكىنىڭ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.
ۋاك - چۆك، سۈرەنلىك بولغان مىسكەر بازارمۇ يۈسۈپنىڭ دىققىتى - نەزىرىنى تارتتى. ساپ مىستىن ياسالغان ئاپتۇۋا - چىلاپچا، چەينەكلەر ھەممە دۇكانلارنىڭ ئىچى - سىرتىغا تىزىۋېتىلگەنىدى. قويما چۆگۈن - قازان، ئۈچ پۇتلۇق داغدان، چۆك داشلارمۇ بۇ بازارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ئىدى. رەيھاندىن بىر - قانچە جۈپ ئاپتۇۋا - چىلاپچا، چۆگۈن ئېلىپ خىزمەتچىلەردىن بەگتاش جالالىددىننىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىۋەتتى.
پىچاق بازىرى قەشقەر بازارلىرى ئىچىدە خېرىدارلىق ئاۋات بازار ئىدى. بولقا، بازغانلارنىڭ ساداسى ئاڭلىنىپ تۇرغان پىچاق بازىرىغا قەدەم قويغان يۈسۈپنىڭ نەزىرى دۇكاندىكى ئېلغۇچىلارغا
① «كىتابۇل ھىدايەت» — «توغرا يول كۆرسىتىدىغان كىتاب».
ئېسىپ قويۇلغان بىر بېلىق، ئىككى بېلىق قىلىچ، خەنجەرلەر، ئوزۇن ساپلىق شەمشەر قادالغان نەيزىلەر، بەش قىرلىق، ئۈچ قىرلىق تۆمۈر ئوقوتلار، چويۇندىن ياسالغان تىكەن چوماقلىق گۈرزىلەر، ئەگرى، تۈز بېلىق خىلمۇخىل شەكىلدىكى پىچاقلار، يا ئوقلىرى، جادۇ، پالتا، كەكىلەر، ئارا شەكىللىك جەڭ قورالى، ساداق، قالقانلارغا چۈشكەندە يۈرىكى ئويناپ كەتتى. ئۇ قەشقەرنىڭ ھۈنەرۋەن - كاسىپلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، بىر قانچە خەنجەر، پىچاق، ياقۇت كۆز قويۇلغان كۈمۈش ساپلىق قەلەمىتراچ سېتىۋالدى. رەيھاندىن مىڭ جۈپ قىلىچ، خەنجەر، بىر تۈمەن تال يا ئوقى ۋە يەنە خېلى كۆپ ساندا گۈرزە، ئوقوتلارنى بۇيرۇتتى. تۆمۈر، پولات دۇبۇلغا، سىم تورلۇق، زەنجىرلىك، پولات تاختىلىق قالقان - ساۋۇتلارمۇ بۇ بازاردا سېتىلاتتى. رەيھاندىن ئوغلىغا پولات تاختىلىق ساۋۇت - قالقان سېتىۋالدى.
ئۇلار چۈشتىمۇ ئۆيگە قايتمىدى. كۈن قىيام بولغاندا دوپپا بازىرىدىكى ئاشخانىدا تاماق يېدى، شۇ يەردىكى مەسچىتتە پېشىن نامىزىنى ئوقۇدى.
بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، گىلەم دوپپا، مەخمەل دوپپا، مەرۋايىت دوپپا، مارجان دوپپا، جىيەك قاداق ئاق دوپپا، شاپاق دوپپىلار ئۈست - ئۈستىگە دەستىلەپ قويۇلغان دۇكانلاردىن كۆزىنى ئالماي كېتىۋاتقان يۈسۈپ ئاتىسىغا دەپ ئائىلىدىكى ھەممىلەنگەن بىردىن دوپپا ئالدۇردى. ئۇ ئۇستازىنىڭ قىزىغا ئالغاچ بارىمەن، دەپ يەنە بىر مەرۋايىت دوپپا ئالدى. ئالغان نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەۋەتىۋېتىپ، نەپىس ئەسۋابلار بازىرىغا كېلىشتى. چىرايلىق ياسالغان ئۇد، تەمبۇر، نەي، ساتار، داپ، دۇمباق، ناغرا - سۇناي، بۇغرا - كانايلار خېرىدارلارنى جەلىپ قىلغانىدى. يۈسۈپ بىر نەي ئالدى. ئۇ ئۇد، تەمبۇر چېلىشنىمۇ بىلەتتى.
ئۇلار قاشقان بازىرىدىكى مەسچىتتە نامازدىگەرنى ئوقۇپ
ئۆيىگە قايتىشتى.
- ئوھۇي، نېمانداق ئېسىل چالغۇ ئەسۋابلىرى بۇ، جاناپلىرى بازاردىن ئېلىپ ئەۋەتكەن نەرسىلەر بىلەن ئامبار توشۇپ كەتتى. قارىغاندا، كېتىشكە تەرەددۇت قىلىشۋاتقان ئوخشىمامسىلا؟ - دېدى بەگتاش جالالىددىن رەيھاننىڭ قولىدىن تەبۇرنى ئېلىپ.
- ئوردۇكەنتكە كەلگىنىمىزگە ئىككى ئاي بولۇپ قالدى. دېگەنلىرى توغرا، بىز قايتماقچى بولۇۋاتىمىز، - رەيھاندىن جاۋاب بېرىپ، بەگتاش جالالىددىننىڭ باشلىشى بىلەن مېھمانخانىغا كىرىپ ئولتۇردى.
- سوۋغاتلارنى سىلى ئالمىسىلىرىمۇ بىز ئېلىپ بېرىتتۇق. شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەن يەردە، بۇنچىلىك سوۋغا - سالام بىلەن ئۇزاتمىساق بولامدۇ؟ يەنە بىر - ئىككى ئاي تۇرۇشسىلا بولاتتى. يۈسۈپ بالام، سىلى تۇرۇشنى خالىمامدىلايا؟
- مېنىڭ كەتكۈم يوق، بەگتاش ئاغا. ئەمما، ئانامنى سېغىندىم. بوۋام، مومايلارمۇ ياشىنىپ قالغاچقا، يېنىدا بولۇشىمىزنى ئىستەيدۇ، - دېدى يۈسۈپ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن.
- ئەتە ئۇستاز ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ھەزرەتلىرىنىڭ بېغىغا چىقىپ كىرىپ، بۇغرا قاراخان بىلەن خوشلىشىۋالساق، ھايال بولماي يولغا چىقىمىز. ھېلىمۇ ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋارە قىلدۇق، ئۇكا.
- بۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلەيمەن. جاناپلىرىنى بەگيۈسۈپ بىلەن ئاران بىر كەلگەندە ئۇزاقراق تۇرار، دەپ ئويلىنىۋىدىم، - بەگتاش جالالىددىن مەيۈسلەنگەندەك بولۇپ ساقىلىنى سىيپاپ قويدى. رەيھاندىن ئەتىسى ئەتىگەندىلا يۈسۈپ بىلەن ئاتقا مىنىپ ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ بېغىغا چىقتى. ئالەم خوشال كۆتۈۋالدى. تۈنۈگۈن كەچ ياتار چاغدا ئوغلىنىڭ دېگەنلىرىنى ئېسىدە تۇتقان رەيھاندىن ئىشىكتىن كىرگىنىچە، ئالما دەرەخلىرى سايە تاشلىغان خىلۋەت يول بىلەن ئۆيلەرنى يانداپ
مېڭىپ، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقچىيىپ تۇرغان قوش قەبرە يېنىغا كېلىپ توختىدى. گىلەم جايناماز ئۈستىدە ئىككى رەكەتتىن نەپلە ناماز ئوقۇشتى. يۈسۈپ سۈرە «تابارەك» نى تلاۋەت قىلدى. رەيھاندىن دۇئاغا قول كۆتۈردى. شۇ چاغدا ئىشىكتىن كىرگەن ئەبۇ ھەسەن تېكىن بىلەن مەھمۇد تېكىنمۇ ئۇدۇل كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە قەبرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ تلاۋەت قىلغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇشتى.
«باغقا چىققان ھەممىلا ئادەم ئاۋۋال بۇ قەبرىلەرنىڭ ئالدىدا قۇرئان تلاۋەت قىلىدىكەن دە، دىلدار قىز شۇڭا تاپىلاپتىكەن. بۇ ئىككى ئەزىمەتنىڭ ياشلا كېتىپ قېلىشىدا نېمە ھېكمەت باردۇ؟» يۈسۈپ ئويلاپ تۇرۇۋاتاتتى، مەھمۇد تېكىن:
— يۈسۈپ ئاكا، تۈنۈگۈن مەدرىسەگە كەلمىدىڭىزغۇ؟ ئۇستاز ھەزرىتى فارابىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى توغرىسىدا ناھايىتى قىزغىن مۇنازىرە بولدى، — دېدى. «شاھزادە مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، سەمىمىي ئىكەن» دەپ ئويلىغان يۈسۈپنىڭ روھى بىردىن كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئەمما، تۈنۈگۈن مەدرىسەگە بارالمىغىنى ئۈچۈن بەك ئەپسۇسلاندى.
— ئىنىم، پېقىرنى غەپلەت بېسىپ، ئاتام بىلەن بازارغا چىقىپ كېتىپتىمەن. مۇنازىرىگە قاتناشقان بولسام زېھنىم ئېچىلىپ قالاتتىكەن.
— مەدرىسەدە مۇنازىرە بولۇشىنى ئۇقمىغانلىقىمدىن، قەشقەر بازارلىرىنى ئوغلىمغا كۆرسەتكەچ، سوغۇا سالاملىق ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئەتەگەنلىكتىن كەچكىچە شەھەر ئايلاندۇق، شاھزادە، — سۆز قاتتى رەيھاندىن ئوغلىغا ھېسداشلىق قىلىپ.
— بۇنداق ئالدىراپ قايتىپ كەتسەڭلار، يۈسۈپ ئاكىنى ئارماندا قويىسىلەر، ھاجىپ ئاغا. يەنە بىر ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئۇنىڭ تەسنىپىنى قاندۇرۇپ، ئاندىن يولغا چىقسىلار بىز خۇرسەن بولاتتۇق.
كېچىكىدىن كەم سۆز بولغان ئەبۇ ھەسەن تېكىن
كۈلۈمسىرىگەن ھالدا باش لىڭشىتىپ، مەھمۇد تېگىننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى.
— مەھمۇد تېگىننىڭ سۆزى ئورۇنلۇق بولدى، رەيھاندىن جانابلىرى، بېگىسۇپنىڭ چاچقىغى بېسىلماي تۇرۇپ كېتىشكە قانداقمۇ رايلىرى بارىدۇ — ھە! — دېدى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ بىر — بىرىگە قارىشىپ قالغان ئاتا — بالىغا نەزەر سېلىپ.
يۈسۈپ ئۇستازىنىڭ بۇ سۆزىدىن «كېتىشكە ئالدىرىماڭلار» دېگەن مەنىنى ئۇقتى.
— ھەزرەتلىرى ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرۈۋاتقان يەردە، كېتىمىز دېيىشكە قانداقمۇ ئاغزىمىز بارسۇن؟ — يۈسۈپ توغرا دېدىمۇ، دېگەندەك قىلىپ ئاتىسىغا باقتى. رەيھاندىن باش لىڭشىتىپ قويۇپ ئالىمغا جاۋاب بەردى:
— ئوردۇكەنتكە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز: ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنى زىيارەت قىلىش، مەلىكۇل مەشرىق بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىغا سالام بېرىش، ھەزرەتلىرىدىن تەلىم ئېلىش ئىدى. بۇ مەقسىتىمىزگە تەڭرى يەتكۈزدى، ئۇستاز، — رەيھاندىن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېمەيلا، قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى.
— ھاجىپ ئاغا، تۆت يىلدىن بېرى ئاكام ئەبۇ ھەسەن تېگىن بىلەن ئۇستازدىن تەلىم ئېلىۋاتىمىز، تېخىچە مۇراد قىرغىقىغا يەتكىنىمىز يوق. سىلى ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپلا مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەۋاتىدۇلا، ھەيران قالدىم، — دېدى مەھمۇد تېگىن ۋە يۈسۈپكە «بۇ گېپىم توغرىمۇ، قانداق؟» دېگەن مەنىدە كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى.
— ئۇستازىم ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغوپۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلئالمايى ھەزرەتلىرى: «بىلىم تەكتى يوق بىر دېڭىز، ئۇنىڭدىن ئېچىپ كەتكەن ئادەمنىڭ تەشنالىقى شۇنچە كۈچىيىدۇ» دەپ ھەۋىسىمنى قوزغىغانىدى. جانابلىرى: «بىلىم ئىگىلەش يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغانغا ئوخشاش» دەپ ئىرادەمنى چىڭىتتىلا.
ئىجازەت بەرمىسەكە قەشقەردىن كېتەلمەيدىغان ئوخشايمىز، ئۇستاز، ئىجازەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرىمىز، ئەلۋەتتە.
— ھە، مانا، مانا، كۈتكەن جاۋابقا ئېرىشكەنلىم ئۈچۈن ئاتىلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، — ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ رەيھاندىنغا «شۇنداق بولسۇن» دېگەن مەنىدە باش لىڭشىتتى، كۆل بويىدا چوڭ بىر قوچقارنى تۇتۇپ تۇرۇشقان خىزمەتكارلارنى كېلىڭلار دېگەندەك قىلىپ قول پۇلاڭلاتتى.
— ھاجىپ جاناپلىرى، ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بەرسىلە، — دېدى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ خىزمەتكارلار ئېلىپ كەلگەن ئاق بويۇن قارا قوچقارنى ئىما قىلىپ.
رەيھاندىن دۇئاغا قول كۆتۈردى:
— تەڭرىم ئەلگە ئەمىنلىك، ئائىلىلىرىگە قۇت، ئۆمۈرلىرىگە بەرىكەت بەرسۇن، ئامىن!
— ئامىن!
— تەڭرىمنىڭ بۇ نېمىتىگە بىللە ئېغىز تېگىشىمىزگە نېسىپ بولۇۋاتقاندا، ھەزرەتلىرى ۋە شاھزادىلەر بىلەن ئوغلىمنىڭ كۆپرەك مۇلاقاتتا بولۇپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن، — دېدى رەيھاندىن ئالىم سۇنغان پىچاقنى يۈسۈپكە بېرىپ، — ئوغلۇم، بۇ قوينى بوغۇزلاپ بۈگۈنكىلەرگە رەھمەت ئېيتقىن.
يۈسۈپ تۆت پۇتى باغلانغان قويمۇ يېنىدا زوڭزىيىپ، «ئاللاھۇئەكبەر!» دەپ پىچاق سۈردى. قوچقارنىڭ يۇغلۇق بوغۇزىدىن ئېتىلىپ چىققان قان بېھى دەرىخىنىڭ تۈۋىگە قويۇلدى.
رەيھاندىننىڭ ئۆتۈنۈشى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنى خۇشال قىلىۋەتتى.
— ئوردىكەنتتە يەنە بىر مەزگىل تۇرىدىغان بولۇپلا — دە، ھاجىپ. يالغۇز ئوغۇللىرىنى دەپ بولسىمۇ كېتىشكە ئالدىرىمىسىلا. قېنى، ئەمدى داستىخانغا مەرھەمەت قىلىشسىلا.
ئۇ مېھمانلارنى پېشايلانلىق ساراي ئۆيگە باشلاپ، يېڭى
سويۇلغان قوينىڭ گۆشىدە قىلىنغان كاۋاپ بىلەن چاي، ئارقىدىن شورپىغا سېلىنغان ئۆگرە ئېلىپ كىرىپ گۆش تارتتى، ئاندىن كۆل بويىغا راسلانغان جايغا ئېلىپ چىقتى. باغنىڭ خۇش ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغان مېھمانلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
باھار قۇياشىنىڭ قىزغۇچ نۇرى تىنىق كۆلدە ئالتۇن شارچىلارنى پەيدا قىلغانىدى. بىلىنەر - بىلىنمەس يەلپۈنۈپ تۇرغان مەجنۇنتاللار ئېرىق بويىدا چاچ تاراقان قىزنىڭ ئۆزۈن چاچلىرىدەك سۇغا چىلىشىپ قالغانىدى.
2
قىزىل دەريا بويىدىكى بۇ باغ كەڭ، ئازادە ئىدى. ئېگىز قوپۇرۇلغان تاملارنى بويلاپ ئۆسكەن جىگدە - چىلاننىڭ شاخلىرى خۇددى قاشادەك بىر - بىرىگە چىرمىشىپ تۇراتتى. يەر بېغىرلاپ ماڭغان يىلاندەك باغنى ئايلىنىپ ئاققان ئېرىقتىكى سۇ شاپتۇل، ئۆرۈكلەرنىڭ پىرىلداپ چۈشكەن غازاڭلىرىنى ئېقىتىپ، كۆلگە، گۈللەرگە، بېدىلىك، كۆكتاتلىقلارغا قويۇلاتتى. ئانار، ئەنجۈر، شاپتۇل، ئۆرۈك، ئالما، گىلاس، ئەينۇلا ۋە ئامۇت دەرەخلىرى باغنىڭ چىغىر يوللىرىغا ئاپتاپ چۈشۈرمەيتتى. جەننەتسۈپەت، ئالۇچىلار باغ ھويلىسى ۋە كۆركەم ياسالغان ئايۋان، ساراي، ھۇجرىلارنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۆستۈرۈلگەنىدى. باغنىڭ غەربىدىن شەرققە سوزۇلغان ئۈزۈم تاللىرى ئېلىنغان بېدىش ئاستى خىلۋەت ئارامگاھ ئىدى. قوش قەبرىنىڭ چۆرىسى خىلمۇخىل گۈل - گىياھلار، دەل - دەرەخلەر بىلەن، باغ ئىچى قىزىلگۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدى بىلەن قاپلانغانىدى …
يۈسۈپنىڭ نەزەر قۇشى باغنى بىر ئايلىنىپ، قاناتلىرىنى كېرىگىنىچە قوش قەبرە ئۈستىدە توختاپ قالدى …
رەيھاندىن ئويلىنىپ قالغان يۈسۈپكە كۆز سېلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك بولدى دە، ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپتىن ئۆتۈندى.
— ئوغلىمنىڭ ئەس يادى ئاشۇ پەرزەنتلەردە بولۇپ قالدى، ئۇستاز. ئۇ توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز بولسىلا.
— سۆزلەپ بېرىسەن، ئۇستاز، — مەھمۇد تېگىنمۇ ئۆتۈندى ۋە يۈسۈپكە ھېسداشلىق قىلىپ قاراپ قويدى.
— سۆزلەپ بېرىسەن، ئۇستاز، — ئەبۇ ھەسەن تېگىنمۇ ئۆتۈندى ۋە يۈسۈپكە ھېسداشلىق قىلىپ قاراپ قويدى.
— سۆزلەپ بېرىسەن، ئۇستاز. بۇ ئىككى پەرزەنتلىرى ياش تۇرۇپ نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولغان، نېمىشقا ئۇلارنى باغقا دەپنە قىلدىلا؟ — يۈسۈپ ئۇستازىنىڭ جاۋابىغا ئىنتىزار بولۇپ تەلپۈندى.
— شاھزادىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندىم. شۇنچە يىراق يەردىن كەلگەن بەگىيۈسۈپنىڭ تىلىپىنى يەردە قويسام بولماس. ئاۋۋال بېغىمغا چىققانلىرىڭلارغا لايىق گەمدە ساقلانغان قوغۇنۇمنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرۈڭلار، ئاندىن سۆزلەپ بېرىي. قېنى مەرھەمەت.
ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ شاگىرتلىرى بولسا كېرەك، يۈسۈپ بىلەن تەڭتۈش بىر قانچە يىگىت گەمدىن ئېلىپ چىققان قوغۇن — تاۋۇز، ئالما، ئانار، ئۈزۈملەرنى داستىخانغا توشتۇرۇۋەتتى. قوغۇن شۇنچىلىك تاتلىق ئىدىكى، رەيھاندىن بىلەن يۈسۈپ ئىككى كاسا قوغۇننى يېگەنلىكىنى بىلمەيلا قالدى.
داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ ئاغزىغا تىكىلدى. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ئېغىر تىندۇرۇپ سۆزىنى باشلىدى:
— ماڭا تەڭرىم ئىككى پەرزەنت بەرگەندى. چوڭىنىڭ ئىسمىنى ئابدۇجاپپار، كىچىكىنىڭ ئىسمىنى ئابدۇغاپپار قويغاندۇق، بىر بىرىدىن ئىككى ياشلا پەرقلىنەتتى. چوڭىنىڭ
ساۋاتى يەتتە ياشتا، كىچىكنىڭ ساۋاتى بەش ياشتا چىققانىدى. سىلەر كىچىك ئوغلىمنىڭ شۇنچە زېھنلىكىنى بۇنىڭدىن بىلىۋالالايسىلەر. ئۇ يەتتە يېشىدا «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادقا ئېلىپ بولدى ۋە «بۇلبۇل قارىم» دەپ ئاتالدى. ئون يېشىدا قۇرئاننى تەپسىر قىلالايدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۆتكۈرلۈكىگە مەنمۇ ھەيران ئىدىم. ئەپلاتۇن، ئارىستوتېل، فارابى، ئىبىن سىنانىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغاندا، ئاۋۋال ئەرەب، پارس تىللىرىنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغانىدى. ئۇ ئۆكسىدەك زېھرەك، ھازىر جاۋاب بولمىسىمۇ، ناھايىتى ئىشچان ئىدى. ئۆگىنىشتىن بىكار بولسىلا باغقا كىرىپ ئىشلەيتتى. باھار، ياز كۈنلىرى گۈل - گىياھ، دەرەخلەرنى، كۆكتاتلارنى سۇغاراتتى، تۇپراقنى بوشىتاتتى، ئوغۇتلايتتى. كۈز ئايلىرى مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئولايدىغان، گۈل كۆچۈرەتتى، زىرائەت يىغاتتى. قىشتا قار سۈپۈرۈپ يول ئاچاتتى، ھاردىم - تالدىم دېمەيتتى. چۆڭ ئوغلىمنىڭ بۇ باغقا كۆپ ئەجرى سىڭگەن. ئۇ تىككەن گۈللەر نەچچە توزۇپ، نەچچە قېتىم كۆكلىدى. ئۇ قويغان كۆچەتلەر چۆڭ دەرەخ بولۇپ باراقسانلاپ كەتتى. ئۇنىڭ قەدەم ئىزلىرىدا يول پەيدا بولدى. ئۇ شۇنداق ئاجايىپ ئەجەبگەچەن ئىدى. چۆڭ ئوغلىمنى باغبەن، كىچىك ئوغلىمنى ئالىم بولىدۇ، دەپ قارايتتىم.
— ھەر ئىككى ئوغلىمنى ئون ئالتە يېشىدا ئۆيلەپ قويدۇم. چۆڭ ئوغلىمغا سىرداش دوستۇم بولغان بىر دېھقاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردىم. كىچىكىگە بولسا، ئۇنىڭ پاساھىتىگە قايىل بولغان ھازىرقى بۇغرا قاراخانىمىز يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھ قىزىنى بەردى. بۇ ئوغلىمنىڭ تويى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر يىلى يازدا ئودۇننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان ئاكا - ئۇكا خانلىرى نۇقتى رەشت، چوققى رەشتلەر نۇرغۇن لەشكەر بىلەن يېڭى ھىسارغا باستۇرۇپ كېلىپ قالدى.
ئۇ چاغدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوك قىزى نۇرئەلانۇر خېنىمنىڭ ئوغلى سېيىت ئەلى ئارسلانخان يېڭى ھىسار دىيارىغا خان ئىدى. ئۇ ناھايىتى قەيسەر، باھادىر بولۇپ، بوراندەك باستۇرۇپ كەلگەن لەشكەرلەرنى ئوردۇكەنت تەرەپكە ئۆتكۈزمەي توسۇپ قالدى. بىر يىل شىددەتلىك جەڭ قىلىپمۇ يېڭى ھىسارنى ئالالمىغان ئاكا - ئۇكا خانلار قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ سىپاھلىرى قېرى بىر دەللىنى تۇتۇپ كەپتۇ. بۇ دەللە خانلارغا قاراپ: «خانلىرىم، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بۇتقا چوقۇنىمەن. يېرىم پادىشاھ سۇباشلىرىدىن ئىدى. ئوردۇكەنت دىيارىغا يۈرۈش قىلغاندا، يېرىم مەن بىلەن ئىككى ئوغلوممۇ ئېلىپ ماڭغانىدى. يېڭى ھىساردا بولغان جەڭدە ئىككى ئوغلوم بىلەن يېرىم ئۆلدى، مەن ئەسىر چۈشۈپ قالدىم. يالغاندىن ئىمان ئېيتقان بولۇۋېلىپ تاكى ھازىرغىچە جان ساقلاپ كەلدىم. يېرىم، بالىلىرىم ئۆلگەن بۇ يۇرتتا، قىساس ئوتىدا پۇچىلىنىپ، سىلەرنىڭ كېلىشىڭلارغا قانچىلىك ئىنتىزار بولغىنىمنى بىلەمسىلەر؟ شۇنچە كۆپ لەشكىرى بىلەن كېلىپ، نومۇس قىلماي يېنىپ كېتەمسىلەر؟» دەپتۇ. دەللىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان نۇقتى رەشت لەشكەرلىرىنى توختاشقا بۇيرۇپ: «كۆردۈڭمۇ، لەشكەرلىرىم توختىدى، بىز سېيىت ئارسلانخاننى يېڭىشنىڭ ئامالىنى قىلالمىدۇق، سېنىڭ قانداق مەسلىھەتىڭ بار؟» دەپ سوراپتۇ. قېرى دەللە: «بۇ يەردە تۇرغان ئون نەچچە يىلدىن بېرى شۇنى چۈشەندىمكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئۆز دىنىغا بولغان ئەقىدىسى بەك كۈچلۈك ئىكەن. بىزنىڭ بولسا ئۇنچىلىك كۈچلۈك ئەمەس» دەپتۇ. نۇقتى رەشت ئاچچىقلاپ: «ئۇنداق بولسا نېمىشقا يولىمىزنى توسۇيسەن؟» دېگەندە، دەللە خالتىلىشىپ كەتكەن كۆكسىنى ئېچىپتۇ. يارقىراپ تۇرغان ئالتۇن بۇتنى ئاكا - ئۇكا خانلار كۆرۈپتۇ. «بۇت بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» دەپ چوققى رەشت لەشكەرلىرىنى ئېلىپ ماڭماقچى بوپتۇ. «ئالىيلىرى، توختىسىلا»
دەپتۇ دەللە بۇتنى كۆكسىگە يوشۇرۇپ، «مەندە چاره - ئامال بار» دەپتۇ. نۇقتى رەشت: «ئېيت، قانداق چاره - ئامالىڭ بار؟» دەپ سوراپتۇ. دەللە: «مۇسۇلمانلارنىڭ خانى سېيىت ئەلى ئارسلانخان ناھايىتى تەقۋادار پادشاھ، بەش ۋاخ نامازنى زادى قازا قىلمايدۇ. ئۇ نامازغا تۇرغاندا، سىپاھلىرىنىڭ يېرىمى ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. يېرىمى كۆزەتتە تۇرۇپ، ئۇلار ئوقۇپ بولغاندا ئاندىن نامازغا تۇرىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ئۇلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا سىلەر ھۇجۇم قىلساڭلار، ھەرگىز مەغلۇپ بولمايسىلەر. چۈنكى، سېيىت ئەلى ئارسلانخان نامازغا تۇرغاندا، ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ خۇداسى بولغان ئاللاھقا يۈزلەنگەنكەن. پۈتۈن ۋۇجۇدى ئېرىپ سۇدەك بولۇپ كەتكەنكەن، ھېچنېمىنى تۇيمايدىكەن. شۇ چاغدا قول سالساڭلار، بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ زەپەر قۇچىسىلەر» دەپ، ئاكا - ئۇكا خانلارنى ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇقتى رەشت، چۇقتى رەشت ئاكا - ئۇكا خانلار بارلىق سىپاھلىرى بىلەن سېيىت ئەلى ئارسلانخان ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇۋاتقاندا ھۇجۇم قىپتۇ. ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان مۇسۇلمان سىپاھلار تۇيۇقسىز بۇ ھۇجۇمدىن گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ، جان تىكىپ ئېلىشىپتۇ. نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرەپ - تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، قىلىچتا چېپىپ، نەيزە بىلەن سانجىپ، ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىق قىلىپ، ناماز ئوقۇۋاتقانلار سېپىگە بېسىپ كىرىپتۇ. ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھقا بېرىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى سەپ بويىچە قەتلى قىپتۇ. سېيىت ئەلى ئارسلانخان سەجدىگە بارغاندا، نۇقتى رەشت ئۇنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇپ، تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشىنى نەيزىگە سانجىپ كۆتۈرۈۋاپتۇ. دەل شۇ چاغدا، يۈزلىرىگە نىقاب تارتقان بىر توپ غەييۇپ سىپاھلار يېتىپ كېلىپ، مەغرۇر ھالدا كۈلۈشۈپ كېتىۋاتقان نۇقتى رەشتنى
ئورۇنۇپتۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى دۆڭۈلگۈسىگە ئالتۇن تاج قادالغان بەستلىك بىرسى رەشتىقا قىلىچ ئۇرۇپ، بىر قولىنى يەلكىسىدىن چېپىپ تاشلاپتۇ. سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ بېشىنى نەيزىدىن ئاجرىتىپ رومال بىلەن ئوراپتۇ. زار - زار يىغلاپ باغرىغا باسقۇنچە ھەمراھلىرى بىلەن ئودۇن قوشۇنلىرى ئارىسىدىن شامالدەك تېز چىقىپ قەشقەرگە راۋان بوپتۇ. بۇ نىقابلىق سىپاھلار سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ رەپىقىسى تۈركەن خاتۇن بېبى مەريەم ۋە ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى ئىكەن.
خۇشاللىقىدا ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ خوتەننى يوقىتىۋاتقان ئودۇن قوشۇنلىرى بىر چاغدا دۇم ياتقۇزۇپ ئۈستىگە شاخ - شۇمبا تاشلاپ قويغان نوقتى رەشتىنىڭ جەسەتنى كۆرۈپ قېلىشىپتۇ. قارىسا، سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ بېشىمۇ يوق ئىمىش. ناماز ئوقۇغان جايغا قاراپ ئۇنىڭ تېنىنىمۇ تاپالماپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن چوقتی رەشت: «سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ بېشىنى ئېلىپ كېلەلمىسەم، لات - مانات ① ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ كېتەي» دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. ئۈچ كۈن تەييارلىق قىلىپ، بارلىق قوشۇنلىرى بىلەن ئوردۇكەنتكە قاراپ يول ئاپتۇ.
بۇ چاغدا قەشقەر بۇغراخانى يۈسۈپ قادىرخان سەمەرقەنتتە، سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئوغۇللىرى ئەھمەد توغانخان ②، ناسىر ئېلىكخان، مەنسۇرخانلار بالاساغۇندا ئىدى.
بېبى مەريەم تۈركەن خاتۇن سەييىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ بېشىنى ئوردۇكەنتكە ئېلىپ كېلىپ، دۆلەتباغ يېزىسىدىكى قېيىنئانىسى نۇرئەلانۇر خېنىم مەقبەرىسى يېنىغا دەپنە قىلغاندا، مەنمۇ، ئىككى ئوغلوممۇ قاتناشقانىدۇق. ناھايىتى كاتتا مۇسىبەت بولغانىدى، — ھەسرەتلىك ئۈنى پەسەيگەن ھۈسەيىن
① لات - مانات — بۇتنىڭ ئىسمى. ② ئەھمەد توغانخان — ئەھمەد ئارسلانخان، ئۇ بۇغرا قاراخان بولۇپ توغانخان ئوغۇل دەپ ئاتالغان.
ئىبنى خەلەپ، گۈل - چىمەنلەرگە پۈركەنگەن قوش قەبرىگە بىر نەچچە دەقىقە قاراپ تۇرۇپ، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالاساغۇن، سەمەرقەنتلەرگە چاپار مەن ماڭدۇرۇلغانىدى، ئۇ تەرەپلەردىن خەۋەر بولغۇچە، چوتقى رەشت ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كەلدى. بۇ چاغدىكى قاراخانىيلار خاقانى بولغان ھارۇن ھەسەن بۇغرا قاراخان دەۋۋازلارنى تاقاپ دۈشمەن لەشكەرلىرىنى شەھەرگە يېقىن كەلتۈرمەسلىك توغرىسىدا پېرمان چۈشۈردى، دەۋۋازلار تاقالدى، خەندەكلەرگە سۇ توشقۇزۇلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سىپاھلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، يا ئوقىغا يۆگەپ ئېتىلغان خەت سېپىل ئۈستىگە چۈشۈپ، بۇغرا قاراخاندىن تارتىپ ئاۋامغىچە ھەممىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۈشكۈل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«قاراخانىيلار خاقانى، ئاگاھ بولغىنكى، نەۋرە ئوغلۇڭ سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشىنى ئادەملىرىڭ ئېلىپ كېتىپتۇ. مەن ئاشۇ باش ئۈچۈن لەشكەر تارتىپ پايتەختىڭگە كەلدىم. ئۈچ كۈنگىچە باشنى ماڭا تاپشۇرۇپ بەرمىسەڭ قايتىپ كەتمەيمەن. ئەگەر باشنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، ئاكامنىڭ قىساسى ئۈچۈن، لەشكەرلىرىم بىلەن ئوردۇكەنت ئاھالىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ، پايتەختىڭنى تۈزلەپ تاشلايمەن.
ئۇدۇن پادشاھى: چوتقى رەشت»
ھارۇن بۇغراخان بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى لەشكەرلىرى بىلەن ئوردۇكەنت ئەھلىگە ئاشكارىلاپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇشقا تەييار تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
يەتتە تۈمەندىن ئوشۇق ئۇدۇن قوشۇنلىرى تۆت تەرەپتىن شەھەرنى قاتتىق قامال قىلىۋالغانىدى. پايتەختتە ئاران بىر
تۆمەنچە يېقىن ياساۋۇل - نۆكەرلەر بولۇپ، ئاساسلىق قوشۇن يۈسۈپ قادىرخان باشچىلىقىدا سامانىيلار ۋە غەزنەۋىيلەر خانلىقىغا تاقابىل تۇرۇۋاتاتتى. خەتەر ئىچىدە قالغان پايتەختنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگۈچە بىر - ئىككى ئاي ۋاقىت كېتەتتى. بۇ جەرياندا سانى كۆپ دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ پايتەختنى ساقلاپ قېلىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. كۆپ قۇربان بېرىشكە توغرا كېلەتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ قەشقەردىكى پۈتۈن لەشكەر ۋە ئاۋامنىڭ كاللىسىنى بۇ سوئال تاشتەك قاتۇرغانىدى.
مانا شۇنداق جىددىي پەيتتە، سائىيە مەدرىسىدىكى بارلىق مۇدەررىس ۋە تالىپلار يىغىلىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق. ئاتاقلىق مۇدەررىس مۇھەممەد بىننى ئەلى كاشغەرىي: «قولىمىزغا قىلىچ ئېلىپ، دۈشمەن باستۇرۇپ كىرىشتىن ئىلگىرى، بۇغرا قاراخان سىپاھىلىرى بىلەن بىللە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۇلارنى چېكىندۈرەيلى» دەپ مۇراجىئەت قىلدى. مۇدەررىسلەر ۋە تالىپلارنىڭ بىر قىسمى قوللىدى. بىر قىسمى «ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىدىن چىقىش قاراملىق بولىدۇ، سانى كۆپ، دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ پايتەختكە بېسىپ كىرسە قانداق قىلىمىز؟ شۇڭا سېپىل ئۈستىگە چىقىپ يادىن ئوق ئۈزۈپ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ كەلگۈچە دۈشمەنلەرنى پايتەختكە كىرگۈزمەسلىكىمىز ئەڭ ئاقىلانە چارە» دېيىشتى. شۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان ئوغلۇم ئابدۇجاپپار: «پەقەت ئۈنۈملۈك بىرلا چارە بار» دېدى. «بۇ قانداق چارە؟» دەپ ئاغزىغا قاراپ قالدۇق. «قېنى، ئاللا دىلىڭغا سالغان چارىنى بىزگە بىلدۈر، ئوغلۇم» دېدىم مەن. «پېقىر، سېيىت ئەلى ئارسلانخان ھەزرەتلىرىگە چىراي جەھەتتىن ناھايىتى ئوخشايمەن، شۇڭا تەۋەككۈل قىلىپ كاللامنى چوققى رەشتىقا تاپشۇرۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن» دېمەسمۇ، «ھە !؟» دېگەن سادا چۆك -
كىچىكنىڭ ئەجەبلەنگەن كۆڭلىدىن ئېتىلىپ چىقتى. ھاياجان بىلەن چاقنىغان كۆزلەر ھەر تەرەپتىن ماڭا تىكىلدى. دەرھال جاۋاب بېرىشىم زۆرۈر ئىدى. ئوغلۇمنىڭ چىراغدەك نۇرلانغان نەزىرىمۇ جاۋاب بېرىشىمنى تەلەپ قىلاتتى. قانتتىم، ئۆمۈدۈم بولغان ئوغلۇمدىن ھەققانىيەت، ئەلنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ۋاز كېچىشىم كېرەكمۇ ياكى ئوغلۇمنى دەپ ھەققانىيەت ۋە ئەلنىڭ تىنچ - ئامانلىقى بىلەن كارىم بولماسلىقى كېرەكمۇ؟ دەرھال بىر قارارغا كەلمىسەم، پايتەختكە، ئەلگە ئاپەت يەتكۈزىدىغانلىقىم كۆڭلۈمگە ئايان بولغاچقا، ئىككىلىنىپ تۇرۇشقا ۋىجدانىم يول قويمىدى. «ئۇيغۇر پەرەنتىدەك گەپ قىلدىڭ بالام، يارايسەن، مەن رازى! بۇ تەلەپنى شۇ ئان بۇغرا قاراخانغا يەتكۈزۈپ، ئىجازەتنى ئېلىپ بېرەي، يۈرگىن» دېدىم. كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى بىزگە ئەگەشتى. يۈرىكىم پىژ - پىژ قىلغان ھالدا ئوغلۇم بىلەن ئورداغا باردىم. ساقاللىرى ئۈچتەك ئاقارغان ھارۇن بۇغراخان ئالتۇن تەختىدە خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغانىكەن. سالام بېرىپ، ئوغلۇمنىڭ تەلىپىنى بىلدۈردۈم. «بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، سىز قوشۇلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى. «ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىدىن ئۈمىدلىنىپ قوشۇلدۇم، ئالىيلىرى، ئىجازەت قىلىپ دۇئا بەرگەيلا» دېدىم. «ئوغلۇم، سىزنىڭ بۇ روھىڭىز — ئاللاھتىن ئىلتىجا قىلىپ كېلىۋاتقان تىلىكىم ئىدى. ھالا ھاياتلىقىمدا بۇ تىلىكىمگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگاردىن نېمىشقا مىننەتدار بولماي! ئەتە ئەتىگەن ئوردا ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ سىزنى ئۇزىتىپ قويايلى» دەپ دۇئا بەردى بۇغراخان، ئاندىن تەختتىن چۈشۈپ مېھرى بىلەن ئوغلۇمنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى. ئوغلۇمنىڭ چېھرىدە، سۇبھى قۇياشى كۈلۈپ چىققاندەك ئاجايىپ بىر خۇش تەبەسسۇم پەيدا بولدى. «ئاتا، مۇتادىمغا يېتىدىغان بولدۇم» دېدى ئۇ. ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. ئانىسىدىن مىڭ تەستە رازىلىق ئالدۇق. ئوغلۇم خوتۇنى بىلەن ئۆز خانىسىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى.
تاك ئېتىپ بۇغرا - كاباينىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندا، داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇردۇق. مەن نان چىلاپ قويغان قاچىغا ئانىسى سۈت قويۇپ ئوغلىمغا بەردى. ئۇ شۇنداق تېز يېدى. ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ، رەپىقىسى بىلەن تەمۆرۈشۈپ خوشلاشتى. ئۇلار «شەھەر دەرۋازىسىغىچە بىللە چىقىمىز» دېيىشتىۋەردى، «ئاتام مېنى ئۆزىتىپ قويىدۇ، ھېرىپ قالىسىلەر، چىقمىساڭلارمۇ بولىدۇ. كۆز ياشلىرىڭلار، نالە - پەريادلىرىڭلارغا چىدىيالماي تىلىمگە ئاجىزلىق قىلغۇم يوق» دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى. ئانىسى پېشانىسىگە ئۈچ مەرتەم سۆيدى، خوتۇنى بېلىگە بەلباغ باغلاپ قويدى. ئوغلىم چىرايلىق توقۇلغان گۈل سېۋەتنى قولىغا ئېلىپ ماڭدى. ئۆكسى ئۆكسى ئالدىغىچە قۇچاقلاپ چىقىپ ئۆزىتىپ قالدى.
ئوردا ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. ئاق سەللىلىك، ئالتۇن تاج قادالغان ھارۇن بۇغراخان ئاق بۇغرا تۆگىگە مىنىپ ئوردىدىن چىققانىكەن. ئۇ بىزنى كۆرۈپ يەرگە چۈشتى: «ھېلىھەم بولسىمۇ بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ، بىز ئامال قىلىمىز» دېدى كۆرۈشۈپ. ئوغلىم بىر تىزىنى يەرگە قويۇپ: «خاقانىم، ھەر قانداق چارە پايتەختنى ۋەيران بولۇشتىن، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. ئىجازەت بېرىلسە، پېقىر بۇ يالغۇز بېشىنى ئېلىنىڭ سائادىتى ئۈچۈن ئاتىۋەتسەم» دەپ ئۆنلۈك جاۋاب بېرىپ ماڭا قارىدى. «ئېلىنىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ئۇيغۇر بالىسىغا لايىق گەپ قىلدىڭ، ھىممىتىڭگە بارىكاللا!» دېگەن ئاۋامنىڭ ساداسىغا رازىلىق بېرىپ قىلغان سۆزلىرىم قوشۇلۇپ كەتتى. يەر-ئاسمان لەرزىگە كەلگەندەك بولدى. بۇغرا قاراخان: «ئىجازەت بەردىم!» دېدى ۋە ئاۋامغا قاراپ: «ئاللانىڭ رىزائىلىقىنى ئىستەپ، كىم بۇ مەردنىڭ ئەزىز بېشىنى مۇبارەك تېنىدىن جۇدا قىلىدۇ؟» دەپ نىدا قىلدى. دەسلەپ ئۈچ ئالىپ يىگىت قىلىچ يالىڭاچلاپ كەلدى، لېكىن قوللىرى تىترەپ چاپالمىدى. ئاندىن ئۈچ سەركەردە كەلدى، بىر - بىرلەپ كېلىپ قىلىچ كۆتۈرۈپ چاپالماي، قىلىچنى ئوغلۇمنىڭ ئاياغ ئاستىغا
تاشلاپ قايتىشتى. «ئاللانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن، ئوغلۇمنىڭ بېشىنى تېنىدىن مەن جۇدا قىلاي» دەپ قىلىچنى قولۇمغا ئېلىپ چاپتىم. «تاراڭ…» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىككى پارە بولغان قىلىچ قولۇمدىن چۈشتى. جۇدالىق ھەسرىتىدىن يۇمۇلغان كۆزۈم ئېچىلىپ كۆردۈمكى، ئوغلۇم ساق تۇرۇپتۇ. مەن ئونى چاپتىم دەپ، يېنىدا تۇرغان تاشقا ئۇرۇپتىمەن.
«ئاتا، بېشىمنى تېنىمدىن جۇدا قىلىش سىلىنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئاللانىڭ رىزالىقى، ئەلىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بېشىنى ئۆزۈم كېسەي» دېدى - دە، بېلىگە ئېسىقلىق خەنجەرنى سوغۇرۇۋېلىپ ماڭا باقتى، «ئاتا، پېقىر ئوغۇللىرىنى كەچۈرسىلە، ئاللاھۇئەكبەر!» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغىنىمدا كۆزۈمنى ئىختىيارسىز يۇمۇۋالدىم. «يارەببىم! ئۆزۈنى ئۆزى شېھىت قىلدى» دېگەن نىدانى ئاڭلاپ كۆزۈمنى ئاچسام، ئوغلۇم باشسىز، قانغا غەرق بولۇپ يېتىپتۇ، تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشىنى باغرىغا بېسىۋاپتۇ… «جانپىدا غوجامغا بارىكاللا! جانپىدا غوجام جەننەتكە راۋان بولدى!» دېگەن ئاۋامنىڭ چۇقىنى ماڭا كۈچ - مەدەت بەخت ئەتتى. پۈتۈن سەۋر - تاقىتىم بىلەن ئۆزۈمنى چىڭ تۇتۇپ، ئوغلۇمنىڭ ئەزىز بېشىنى گۈل سېۋەتكە ئالدىم، ئونىڭ چىرايلىق قارا كۆزلىرى ئالەمگە كۈلۈپ باققانچە قېتىپ قالغانىدى. قىپقىزىل قالغان سەندەلنى ئوغلار كىيدۈرۈپ، پېتلىسىنى تاشلاپ قويدۇم.
ھارۇن بۇغراخان كۆپچىلىك بىلەن بىللە «ئاللاھۇئەكبەر!» دەپ تەكبىر ئېيتىپ بىزنى ئۇزاتتى. مەن ئوغلۇمنىڭ گۈل سېۋەتكە قويۇلغان بېشىنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرگىنىمچە شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئودۇن لەشكەرلىرىنىڭ بارگاھىغا قاراپ ماڭدىم. نېمىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلمىگەن سىپاھلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ مېنى ئورىۋالدى - دە، سېۋەتكە شۇنداق بىر قاراپلا كەينىگە داجىشتى، بەزىلىرى قورققاندىن ۋارقىرىۋەتتى. چوققى رەشتىنىڭ قارارگاھىغا كەلگىنىمدىلا
توختىدىم. بۇ چېدىر - بارگاھنىڭ ئىشىكىگە بۆرە بېشى، يىلان مۈڭگۈزى ئېسىقلىق ئىدى. بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن ئاق، قارا تۇغلار قاداپ قويۇلغانىدى. مەن ئالىپ قارىغان قاراۋۇلنى پىسەنتىمگە ئالماي بارگاھ ئىچىگە ئۆسۈپ كىردىم. تەختتە ئولتۇرغان چوققى رىشت چۆچۈپ كەتتى. تاجسىمان مۈڭگۈزىنى قاداپ، ئالتۇن زەنجىرگە بېكىتىلگەن بۆتنى بوينىغا ئېسىۋالغانىدى. ئۇ ماڭا چەكىيىپ: «ئېلىپ كەلگىنىڭ نېمە؟» دەپ سورىدى. «سەن تەلەپ قىلغان سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ بېشى» دېدىم. «راستمو؟» دېدى ئىشەنمىگەندەك قىلىپ. «راست، قاراپ باققان» دەپ ئالدىمغا بىر قەدەم باستىم، «كەلگەن، كۆرەي» دېدى. «تەختتىن چۈشۈپ تاپشۇرۇۋال» دەپ ئورنۇمدىن مىدىرلىمىدىم. ئۇ تەختتىن چۈشۈپ سۆھەتكە ئېگىشتى ۋە تىترەپ ئارقىغا داجىغىنىچە تىترەپ كەتتى. «مەيدە قويۇپ قايتقىن» دېدى. «دەرھال چىقىپ كەتمىسەك ئۆدە بەرمىسەك، قايتمايمەن» دېدىم. «مەن ئۆدۈنلۇق، بىرنى بىر دېمەن، سۆزۈمدە تۇرىمەن» دەپ ۋەدە بەردى. مەن ئوغلۇم ئابدۇجاپپارنىڭ ئەزىز بېشىنى يەردە ئەمەس، تەخت ئۈستىگە قويۇپ ئارقىمغا ياندىم.
ئەتىسى سەھەر قارغۇي①غا چىقىپ قارىسام، شەھەرنى قورشىۋالغان ئۆدۈن لەشكەرلىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئۇلار چىقىپ كەتكەنىدى. ئوغلۇمنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ «جانىدا غوجام» دېگەن نامى قالدى، ئانىسى ۋە خوتۇنىنىڭ تىلىپى بىلەن تېنىنى باغقا دەپنە قىلدىم.
ھۈسەيىن غېنى خېلى ئېغىر بىر تىنتىپ يۈسۈپكە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- ئىككى ھەپتە ئۆتمەي، بەش تۈمەن لەشكەر بىلەن يۈسۈپ قادىرخان ھەم سېيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىشتى. ئۈچ كۈنلا ئارام ئېلىۋېلىپ، ئۆز قوشۇنىغا
① قارغۇي - كۆزىتىش مۇنارى.
ئوردۇكەنتتىكى ئاھالىلەردىن قوشۇلغان ئىككى تۈمەن پىدائىيلار بىلەن بىللە ئاتلاندى. شۇ ماڭغانچە يېڭى ھىسار قەلئەسىنى بېسىپ ياتقان ئودۇن لەشكەرلىرىنى سۈر - توقاي قىلىپ قاغىلىققا يېتىپ بېرىپتۇ. جەڭ قىلىپ - قىلىپ قاراقاش دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلۇم ئابدۇجاپپارنىڭ ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالغان خوتۇنى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئودۇننى ئالغانلىقى توغرىلىق خەۋەر كەلگەندە قوشكېزەك بىر ئوغۇل، بىر قىز تۇغقانىدى. بالىلار دۇنياغا كۆز ئېچىپلا يېتىم بولۇپ قالدى. خوش، چۆكتى رىشت دارغا ئېسىلىپ، ئودۇن خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. مۇسا بەگتاش بۇغراخان زامانىدىن باشلىنىپ، قىرىق يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان خوتەن ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى … ھۈسەيىن غېبنى خەلىپ سۆزىنى توختاتتى.
3
ھەممىلا يەر جىم - جىت، جىمىپ كېتىشتى. گويا دەل - دەرەخلەر ئىرغاڭشىپ شىلدىرلىمايۋاتقاندەك، قۇشلار سايرىمايۋاتقاندەك، يۈرەكلەر سوقمايۋاتقاندەك، كۆلدىكى بېلىجانلارمۇ پىلتېڭلاپ ئوينىماي سۇ ئاستىغا شۆڭغۈپ كىرىپ كەتكەندەك ئىدى … ھېچكىممۇ بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ۋەقە، ھادىسىلەر كىشىگە قاتتىق تەسىر قىلسا ئەنە شۇنداق سۈكۈت پەيدا بولىدۇ. بۇنداق خىيالچان سۈكۈت كۆڭۈلدە يېڭى ئارزۇ - تىلەك پەيدا قىلىپلا قالماي، تۇيغۇ، ھېسسىياتنىمۇ يېڭىلايدۇ. تەپەككۇرنى، ئەقىل - ئىدراكنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەقىلنىڭ بىرىنچى، يا ئىككىنچى ۋە ياكى ئۈچىنچى دەرۋازىسى ئېچىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ.
ئەقىلنىڭ بىرىنچى دەرۋازىسى ھەمىشە ئوچۇق بولۇپ،
كۈندىلىك تۇرمۇشنى باشقۇرىدۇ، ھەممە سۆز - ھەرىكەت ئاشكارا، تەبىئىي بولىدۇ.
ئەقىلنىڭ ئىككىنچى دەرۋازىسى گاھىدا يېرىم ئوچۇق، گاھىدا يېپىق بولۇپ، ئوچۇق بولىدىغان چاغلىرى كۆمىدىن - كەم بولىدۇ. ياخشىلىق، يامانلىق ئىككىنچى دەرۋازىدىن چىقىدۇ. بۇ دەرۋازا يېپىق ۋاقىتتا تۇرمۇش ئادەتتىكىچە ئۆتۈۋېرىدۇ. يېرىم ئېچىلغان پەيتلەردە ياخشى نىيەتتىن يۈكسىلىش، يامان نىيەتتىن تۆۋەنلەش بولىدۇ. بۇ چاغدا كىشى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ ياكى يامانلىق قىلىدۇ، ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
ئەقىلنىڭ ئۈچىنچى دەرۋازىسى ئاسان ئېچىلمايدىغان سېھىرلىك دەرۋازىدۇر. كۆپ ئادەملەر ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئەقىلنىڭ ئۈچىنچى دەرۋازىسى ئېچىلماي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ئۆمرىدە بىرنەچچە قېتىم يېرىم ئېچىلىپ ياكى پۈتۈن ئېچىلىپ، جەمئىيەتتە بىردىنلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ، تالانتى نامايان بولىدۇ، ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ۋە ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنى، باشقىلارنى كۈتۈلمىگەن بالا - قازالارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئەقىلنىڭ ئۈچىنچى دەرۋازىسى پۈتۈن ئېچىلغان بەزى ئەھۋاللاردا كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان قابىلىيەت ئاشكارىلىنىشى، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق كەشىپىياتلار ئوتتۇرىغا چىقىشى، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال، پەۋقۇلئاددە شارائىت مەيدانغا كېلىپ، زامان - ماكاندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئابدۇجاپپارنىڭ جان پىدالىق روھى ئەقىلنىڭ ئۈچىنچى دەرۋازىسى ئېچىلىش بىلەن پەيدا بولغان پىداكارلىق روھىدۇر.
يۈسۈپ سۈكۈتتىن باش كۆتۈردى. ئۇنىڭ قاينىغان قانلىرى تومۇرلىرىدا ئۆركەش ياسىغانىدى، قوش قېشىگە تىكىلگەن كۆزلىرىدە چەكسىز ئىپتىخار، ھۆرمەت نۇرلانماقتا ئىدى.
— ئۇستاز، — دېدى ئۇ قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان ھالدا، — جاسارەتلىك ئابدۇجاپپار ئاكىنىڭ ئۆلۈمى دۇنيادىكى
بارچە شەرەپلىك ئۆلۈملەردىنمۇ ئۇلۇغ ئۆلۈم بوپتۇ. بۇنداق قازا قىلغان ئادەم ئۇ دۇنيادا جەننەتتە، بۇ دۇنيادا سانسىز قەلب سارىيىدا ياشايدۇ. بۇ چاغقىچە ئوقۇغان بارلىق كىتاب، ئاڭلىغان ھەممە گەپ - سۆزدىن بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىرلەنمىگەندىم. ئوردۇخانىغا كېلىپ روھىمغا روھ، ئەقلىمگە ئەقىل قوشۇلدى. ئەمدى ئىككىنچى ئوغۇللىرى ئابدۇغاپپار ئاكىنىڭ ۋاپاتى توغرىلىقمۇ سۆزلەپ بەرسىلە، يېڭى ساۋاق، يېڭى ھېكمەتتىن كۆڭۈل دەشتىمنى ئاۋات قىلاي.
— بىز، مەرھۇم ئىككى ئاكىمىز ھەققىدە ئۆزلىرى ۋە باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئىنساننىڭ خىسلەت - پەزىلىتى، ئالەمىنىڭ سىر - ھېكمىتىگە بولغان قىزىقىشىمىز پەسەيگىنى يوق، بەلكى ئاڭلىغانسېرى كۈچەيمەكتە. يۈسۈپ ئاكىمىزنىڭ بۇ ئۆتۈنۈشى — بىزنىڭمۇ تىلىمىز، ئوستاز، سۆزلەپ بەرسەن بولسىلا، — ئۆتۈندى مەھمۇد تېگىنمۇ يۈسۈپتەك قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ.
— سۆزلەپ بەرسىلە، ئوستاز. پېقىر شاگىرتلىرى بۇ قوش قەبرە ئارىسىدا بىر يېڭى يولنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن، — دېدى مىڭ ئېغىز گەپ ئورنىغا بىر ئېغىز سۆز قىلىدىغان ھەسەن تېگىن ئالتۇن ئوتۇغات يالتىراپ تۇرغان بېشىنى ئېگىپ.
ھۈسەيىن ئېبنى خەلەپ غەم - قايغۇ تولغان بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى.
— ماقۇل بالىلىرىم، سۆزلەپ بېرەي، — ئۇ ئىككىنچى ئوغلى توغرىلىق گېپىنى باشلىدى، — بايا دېگىنىمدەك، ئوغلومنىڭ كىچىكى بولغان ئابدۇغاپپار تىرىشچانلىقى، ئېگىلىگەن بىلىمىنىڭ كۆپلۈكى، پەزىلىتى بىلەن داڭق چىقارغانىدى. ئاكىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىلىم ئېگىلەشكە تېخىمۇ بېرىلىپ كەتتى. مۇدەررىسلەر، جۈملىدىن پېقىرمۇ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇنى بىلگەن تويغۇن ئوغلومنىڭ بىلىمگە،
چۈشەنمىگەنلىرىنى بىزدىن سورىماي كىتابلاردىن ئۆگىنىشكە، پىكىر قىلىپ سىر - ھېكمەتلىرىنى يېشىشكە كىرىشكەنلىكىنى سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن بىلىپ سۆيۈندۈم. ئاتامنىڭ تىلىپى، بۇغرا قاراخاننىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنى مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلدۇق. ئوغلۇم ئون ئالتە يېشىدا مۇدەررىس بولدى. بارلىق تالىپلار ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدى. ئۇنىڭدىن كىشىگە بىلىم يۇقاتتى، سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئېرىنمەيتتى. دەرسلىرى ئېنىق، روشەن ئىبارىلەر، ئوخشىتىش، كىنايىلەر بىلەن تالىپلارنى قىزىقتۇرۇپ جانلىق چۈشەندۈرەتتى. ھاردىم - چارچىدىم دېمەي كېچە - كۈندۈز دەرس تەييارلايتتى. «ئەقىل ئىشىكىنى ئېچىش»، «ئادەم ۋە ئالەم»، «ئوقيا كىرىچىدىن دۇنياغا نەزەر» دېگەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، پىكىرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، شەيئىلەرگە بەرگەن باھاسىنىڭ ئەھمىيەتكە ئۇيغۇنلۇقى، قىلغان ھۆكمىنىڭ توغرىلىقىدىن بۇ ئوغلۇمغا بولغان مېھر - مۇھەببىتىم، ئىشەنچىم شۇنچە كۈچەيگەنىدى.
ئۇ شۇنداق شېرىن سۆزەن ئىدىكى، سۆزىنى بىر ئاڭلىغان ئادەم قايتا - قايتا ئاڭلاشقا تەشنا بولاتتى.
«ئاتام» دېدى ئۇ بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئاكامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا، «مەن ئۆزۈمنى چۈشەندىم، بەك چولتا ئىكەنمەن»، «بۇ دەمگىچە ئۆزۈڭنى چۈشەنمىگەنمىدىڭ، ئوغلۇم؟» دېۋىدىم، «تەڭرىنىڭ ئادەمنى ئۈستۈن قىلىپ ياراتقىنىغا لايىق تونۇشتا بولمىغان ئىكەنمەن» دېدى. «ئەمدىچۇ بالام؟» دېسەم، مۇنۇ غەزەلنى ئوقۇدى:
مەنمۇ بىر ئالەم ئىكەنمەن چېكىگە يەتكىلى بولماس، بەلكى بىر ئادەم ئىكەنمەن، ئالەمنى بېرىسمۇ تويماس.
شۇ ياشلىغ ئالىم، زالىممۇ، شۇ ياشلىغ شاھمۇ، گادايمۇ، توتۇلۇپ قالار ئىكەن كۈن، يوشۇرالماي داغنى ئايمۇ …
دەپ يىغلاپ كەتتى، كېيىن بىردىن يىغىسىنى توختىتىپ: «ئادەم دېگەن ئۆمۈرۋايەت كىيىنىپ بولالمايدىكەن، يۇيۇنۇپمۇ پاكلىنالمايدىكەن. ئەمما، ئاكام بۇنىڭ سىرتىدا» دېدى. «نېمىشقا ئوغلۇم؟» دەپ سورىسام، «ئاكام دىلىنىمۇ، جىسمىنىمۇ پاك تۇتۇپ، تەڭرىنى ئۆزىگە ئاشىق قىلغان مەرد، بۇنداق غۇبارسىز، بېجىرىم ئادەملەردىن يۈز يىل، مىڭ يىلدا بىر قانچىسى تۇغۇلۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلار جاھان تېنىچلىقىنى توغرىلاپ تۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئۇنتۇلغۇسىز سۆھبەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىردىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن. ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئائىلە بويىچە — ئابدۇغاپپار، ئىككى كېلىنىم، ئىككى نەۋرەم، ئىككى خىزمەتكار، بالىلىرىمنىڭ غەمگۈزار ئانىسى ۋە مەن شىكارغا چىقتۇق.
چوڭ ئوغلۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، قوللىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلىۋەتكەنتىم. ئىككى خىزمەتكارىم ھۆر ئادەملەردىن بولۇپ، ئىككى نەۋرەمنى باقاتتى. ئۇلارنى ئۆيدە قالدۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. تۆمەن دەريا ساھىلىنى بويلاپ ئاتلىق ئىككى سائەت غەربكە مېڭىپ بىر چىمەنزار توقايلىققا كەلدۇق. قوش ئۇۋىلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلىرىمنىڭ ئانىسى كېلىنلىرى بىلەن يالپۇزنى بەتلەپ بىر ياققا ماڭدى. ھايۋان ئۇۋىلاشقا خوشتار بولغىنىم ئۈچۈن، كېيىك، توشقان ئۇچراپ قالار، دېگەن ئويدا مەن بىر ياققا ماڭدىم. ئوغلۇم ئابدۇغاپپار شىكار قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، تەبىئەتنىڭ سېھىرلىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، دەرەخ، گۈل - گىياھ، ئۇچار قۇشلار بىلەن سىردىشىشنى مەقسەت قىلىپ چىققانلىقتىن، كىتابنى قولتىقىغا قىستۇرغىنىچە توقايلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. كېچە كىرىپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتىمەن. ھەممىمىز دېيىشكەن قاپاقتۆپە كۆۋرۈككە يىغىلدۇق. كېلىنلىرىم قېيىنئانىسى بىلەن ئىككى قىرغائۇل،
بىر كەكلىك، ئىككى غازنى ئېتىۋاپتۇ. خىزمەتكارلار بىر قانچە توشقان، بىر كېيىكنىڭ قوشلىرىنى ئۆلتۈرۈشىپتۇ. مەنمۇ بىر كېيىك، ئىككى توشقاننى ئېتىۋالغانىدىم. قارىسام، ئابدۇغاپپار يوق. ئەندىشەم ئۆچتى. ئانىسى ئەنسىرىگەندىن ئۆلتۈرەلمەي قالدى. ھەممىمىز توقاي ئىچىگە قايتا ئاياغ باستۇق. ئۇزاق ئۆتمەي، بىر توپ باراقسان دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرغان ئابدۇغاپپارغا كۆزۈم چۈشتى. «بالام!» دەپ توۋلىدىم، جاۋاب بولمىدى. يۈرۈكۈم قارتىلدە قىلىپ، بارغىنىمچە مۈرىسىدىن تۇتۇپ تارتىۋېدىم، يىقىلىپ چۈشتى. «جېنىم ئوغلۇم!…» دەپ ئانىسى ئۆزىنى ئۈستىگە تاشلىدى. قارىسام، يەلكىسىگە يا ئوقى سانجىقلىق تۇرۇپتۇ. يۈرىكىنى تەكشۈرسەم توختاپ قالغانىكەن. ئانىسى: «ئاھ خۇدا، بۇ نېمە كۆرگۈلۈك!» دەپ يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى. ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم. چوك ئوغلۇمنىڭ ئۆلۈمى ئۆزۈمنىڭ، ئائىلىنىڭ رازىلىقى بىلەن بولغاچقا چىداپ كۆزۈمدىن ياش چىقارمىغانىدىم. قۇرت - قوڭغۇزغىمۇ ئازارى تەگمەيدىغان كىچىك ئوغلۇمنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز قازا بولۇشى كۆزلىرىمدە تاشقىن پەيدا قىلىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە ئۈمىد - ئىشەنچىمنى، ئارزۇ - تىلەكلىرىمنى ئېقىتىپ كەتتى. «ئاھ تايانچىم!» دەپ ئالدىمغا ئۇچرىغان دەرەخنى قۇچاقلاپ زار - زار يىغلىغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. كېچىچە يىغلاپ يول يۈرۈپ تاڭغا يېقىن ئۆيگە كەلدۇق. بۇ تۇيۇقسىز مۇسىبەتتىن خەۋەر تاپقان ئوغلۇمنىڭ قېيىنئاتىسى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ جىنازا ئالدىدا باش سېلىپ ماڭدى. يەتتە ياشتىن - يەتمىش ياشقىچە بولغان قەشقەر خەلقى چوڭقۇر قايغۇ - ھەسرەت ئىچىدە نامىزىنى چۈشۈردى. ئاكىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدۇق … — ھۈسەيىن ئېبنى خەلەپنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قالغاندەك خىرىلداپ چىقتى، كۆز ياشلىرى ئاپپاق ساقىلىغا ئېقىپ چۈشتى. قەبرىلەرگە قارىغىنىچە ئاھ چىكىپ دېدى، — ئادەم بالىسى ئوقۇپ - ئۆگىنىپ پۈتۈن دۇنيانى بىلگەن بىلەنمۇ ئۆزىنى
515
قوغداشنى بىلمىسە، ئەنە شۇنداق ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ بالىلىرىم؟ — ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ شۇنداق دەپ جاۋاب كۈتۈپ، ئاۋۋال رەيھاندىنغا، شاھزادىلەرگە، ئاندىن يۈسۈپكە قارىدى.
— شۇنداق، ئۇستاز، ئۆزىنى قوغداشنى بىلمىگەن ئادەم ئانا ۋەتىنىنى، قەۋمىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ. تەڭرىم بەندىسىنى ھەرگىز بۇنداق ئەھمىيەتسىز كۈنگە قالدۇرمىغاي. ئۇستاز، مېنىڭچە، ئابدۇغاپپار ئاكا يوشۇرۇنغان قاتىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئەگەر ئۇ بىلگەن بولسا قارشىلىق كۆرسەتكەن، تاقابىل تۇرغان، ئۆزىنى قوغدىغان بولاتتى.
ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ يۈسۈپنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ باش لىڭشىتتى ۋە ياشلىرىنى سۈرتۈپ كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى:
— بۇ سۆزلىرى ماڭا تەسەللى بەردى، بالام. سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم، بىلىكنىلا ئۆگىنىپ قالماي، ئۆزۈڭلارنى قوغداشنىمۇ ئۆگىنىڭلار، نەسىل قالدۇرۇڭلار. بۇ ئوغلۇمنىڭمۇ خوتۇنى ئېغىراياق، تىلىكىمگە يارىشا ئىككى ئوغۇل تەۋەللۇت قىلدى. خۇدايىم بىرىنى ئەكىتىپ ئىككىنى بەردى. قازاغا رىزا بولۇپ كۆز يېشىمنى توختاتتىم. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ ئوردىسىدىكى ئەڭ چەۋەر تۇتغاق①، ئىشچىلارنى ئىشقا سېلىپمۇ قاتىلنى تۇتالمىدى، بالىلىرىم. باغدىكى بۇ ئىككى قەبرە ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان. ئۆيىمىزگە چىققان ئادەمنىڭ بۇ توغرۇلۇق سورىمايدىغىنى يوق. بەزىلەر بىر قېتىم، بەزىلەر نەچچە قېتىم ئاڭلاپمۇ يەنە سورايدۇ. مەنمۇ ئېرىنمەي دەپ بېرىپ كەلدىم … شۇنچە يىللاردىن بېرى نەۋرىلىرىممۇ قاتارغا قوشۇلۇپ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشتى. بىراق، ئىقتىدار، قابىلىيەتتە تەڭتۈشلىرىدىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ، تېخى ئاتىلىرىدەك كامال تاپقىنى يوق، — ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ نەزىرىنى قەبرىلەردىن
① تۇتغاق — تۇتقۇچى، ساقچى.
يۈسۈپكە يۆتكەلدى، بالام، سىلى بىلەن دىدارلىشىپ، چوك ئوغلۇمنىمۇ، كېچىكىنىمۇ كۆرگەندەك بولدۇم، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى. كېتىشكە ئالدىرىماي ئوردىكەنتتە بىر مەزگىل تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇستاز، پېقىرمۇ ئۆزلىرىدىن كۆپرەك تەلىم ئېلىشنى ئارزۇ قىلىمەنكى، ئۈمىدلىرىنى ھەرگىزمۇ يەردە قويمايمەن، يۈسۈپ قول باغلاپ تۇردى.
كەچ كىرگۈچە پاراڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلدى. يۈسۈپ ھەسەن تېگىن، مەھمۇد تېگىنلەر بىلەن يېقىن تونۇشلاردىن بولۇپ قالدى. كەچكى شەپەق قەبرىلەر ئۈستىگە جۇلا تاشلىغاندا، ئۇلار باغدىن ئۇزاپ چىقتى.
ئون توققۇزىنچى باب: ئەلنى يىغلاتقان مۇسىبەت
1
ئىنساندا ئىرادە بولمىسا تىلەككە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ. بۇنى بىلگەن يۈسۈپ قەشقەردە ئاز تۇرسۇن، كۆپ تۇرسۇن، تىرىشىپ ئۆگىنىپ كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلىدى، بۇ ئويىنى ئاتىسىغا ئېيتىپ ماقۇل قىلدى. رەيھاندىن ئوغلىنىڭ ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ بېغىغا چىقىپ كىرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىجتىھات بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە كىرىشىپ كەتكىنىدىن خۇرسەن ئىدى. ئۇ يەنە بىر مەزگىل تۇرۇش قارارىغا كەلدى. بۇنىڭدىن ئاقىلانە ئورۇنلانغان بۇغرا قاراخانمۇ مەمنۇنلۇق بىلەن ئۇنى قوللىدى:
— ئۇلۇغ ھاجىپ، ئوردۇكەنت خاسىيەتلىك شەھەر. يەنە بىرنەچچە ئاي تۇرۇڭ، چاغىڭىزدىن كېلىدىغان ماللىرىڭىز كەلسۇن. يۈسۈپمۇ ساچىيە مەدرىسىدە بىلىك بۇلىقىدىن چاڭقىقىنى قاندۇرۇۋالسۇن. نېمىگە شۇنچە ئالدىرايسىز؟ ئوغلىم مۇھەممەد ئارسلانخاندىن غەم يېمەڭ، ئۇ ئەلنى تىنچ باشقۇرۇپ كېتەلەيدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
رەيھاندىن دەرھال جاۋاب بەرمىدى، «شۇنداق» دېسە يالغانچىلىق قىلغان بولاتتى. ئەل تىنچ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، غەربىي قاراخانىلارنىڭ ئىدىل① نىڭ
① ئىدىل — ۋولگا دەرياسى.
جەنۇبتىن ئالاتاۋغىچە①، مۇغلاقتىن ئامۇ، سىر دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان كاتتا زېمىننى سوراشقا ئاتانغان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئەل بىلەن كارى بولمايۋاتاتتى. ئېپىنىڭ تىزگىنىنى ئۆزلىرىنى ساداقەتمەن كۆرسىتىپ كۆز بوياچىلىق قىلىۋاتقان رەقىبلىرىگە تۇتقۇزۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتسا، بۇغرا قاراخان ئىشەنمەسمىكىن، بۇنى قەشقەرگە كېلىپلا ئېيتماقچىدى، بىراق كېسەل بولغاچقا ئېھتىيات قىلىپ ئارقىغا تارتىشقاندى، مانا ئەمدى ئۇ ساقايدى، ئەھۋالدىن ۋاقىپلاندۇرسا كۆڭلىمۇ ئارامغا چۈشەتتى.
— جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ھاجىپ، قوزغۇردۇ تىنچ ئەمەسمۇيا؟ كېلىشىڭىزدىكى مۇددىئا مەن بىلەن دىدار كۆرۈشۈش، سودا ئىشى ۋە يۈسۈپنى سەير قىلدۇرۇشلا بولمىسا كېرەك. راستىنى دېسەم، سىلەرنىڭ دىدارىڭلار شىپالىق دورىغا ئوخشاش كۈچ ۋە روھ بېغىش ئېتىپ بىر ئوبدان بولۇپ قالدىم. ئەگەر مېنى ۋاقىپلاندۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلە بار بولسا كېچىكتۈرمەي ئېيتىڭ، — يۈسۈپ قادىرخان تەختتىن تولۇق ئاقارغان ئۇزۇن ساقىلىنى سىقىملاپ تۇرۇپ جاۋاب كۈتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى مەمنۇنلۇقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
— ئابا، پەيتى كەلگەندە ئەھۋالنى ئاشكارىلىماسلىق — پادىشاھقىمۇ، ئەلگىمۇ زىيان كەلتۈرىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالدىن مەلكۇل مەشرىق ئالىيلىرىنى خەۋەرلەندۈرسەك، — يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئىككىلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەھۋالنى يەنە كېچىكتۈرمەي ئېيتىشقا دەۋەت قىلدى.
— چاپسان دەڭ ھاجىپ، سىز بۇنداق ئەمەس ئىدىڭىزغۇ، مېنى بىئارام قىلماڭ، — دېدى بۇغرا قاراخان جىددىيلىشىپ.
ھەرقانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلمايدىغان رەيھاندىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكىنىدىن دەرگۇماندا
① ئالاتاۋ — شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان چېگراسىدىكى تاغ.
ئىدى. يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم قىل چاغلىق كۆڭۈلسىزلىكنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقسا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟ رەيھاندىن شۇڭا ئىككىلىنىپ قالغانىدى، ئەمدى ئېيتىمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ ئېغىز ئاچتى:
— ئالىيلىرى، پېقىرنىڭ سودا ئۈچۈن ياكى ئوغلۇمنى سەير قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا كەلمىگىنىم راست. لېكىن، بىتاپ بولۇپ قالغانلىقلىرىنى كۆرۈپ، كېلىشىمدىكى ئەسلى مەقسەتنى ئېيتىشقا پېتىنالمىغانىدىم…
رەيھاندىن مۇھەممەد ئارسلانخان قوزغۇردۇغا كەلگەندىن بېرىقى ئەھۋاللارنى تولۇق مەلۇم قىلدى. يۈسۈپ قادىرخان جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى، گەپ قىلمىغان بىلەن، بۇرۇت - ساقاللىرى ئارىسىدىكى لەۋلىرى قىمىرلاپ، ماڭلاي تومۇرلىرى لوقۇلداپ كەتتى، تاتارغان يۈزلىرى بارا - بارا سارغىيىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈسۈپ ئاتىسنىڭمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقىنىنى ئۇنىڭ بۇغرا قاراخانغا تىكىلگەن ئەنسىز كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان تەشۋىشتىن بىلدى. يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالمىسا ئىدى، دەپ ئويلاپ ئۆزىمۇ ئەنسىرەپ قالدى.
بۇغرا قاراخان ئاخىر زۇۋان سۆردى:
— مەن ئۇنى ناھايىتى باتۇر، قولىدىن ئىش كېلىدۇ، دەپ بىلەتتىم، مەرەز خوتۇننىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ - دە، بەچچىغەر… ۋاي، ۋاي… — يۈسۈپ قادىرخان تەختنىڭ يۆلەنچۈكىگە باش قويۇپ قاتىپ قالدى.
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى! — رەيھاندىن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ تەخت يېنىغا باردى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بېشىنى يۆلەپ تۇرۇشقا، سۇلايمان ئارسلانخان سارايغا كىردى.
— ئاتامغا نېمە بولدى؟ — سۇلايمان ئارسلانخان ئۆندىرىگەندەك ئالدىراپ كېلىپ سورىدى ۋە بۇغرا قاراخاننىڭ تونىنىڭ پېشلىرىنى قايىرىپ يۈرىكىنى تەكشۈردى، يۈرەك شىددەت بىلەن ناھايىتى تېز سوقۇۋاتاتتى.
— سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى، دەرھال ئاتاساغۇننى چاقىرتىش كېرەك، — دېدى رەيھاندىن. يۈسۈپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى. بۇغرا قاراخان قۇل - پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ قالغاندەك تۈگۈلۈپ، كۆز چاناقلىرى يوغىناپ، بەدىنى سىلكىنىپ - سىلكىنىپ بىردىن تىترەشكىمۇ باشلىدى.
قورقۇپ كەتكەن رەيھاندىن دېمىسەم بوپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلدى.
يۈسۈپ باش تېۋىپ ئەبۇ ھارىس كاشغەرىينى باشلاپ كىرگەندە، رەيھاندىن بۇغرا قاراخاننىڭ پۇت - قوللىرىنى ئۇۋۇلاۋاتاتتى.
— ئابا، قانداقراق؟
— ئاللا بىلىدۇ، بالام، بايمىقىدىن ياخشى بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، — رەيھاندىن ئوغلىغا جاۋاب بېرىپ تېۋىپقا قارىدى، — ئاتاساغۇن جاناپلىرى، بىر ئوبدان ئولتۇرغان خاقانىمىز كۆز تەگكەندەك ئۆزگىرىپ قالدى، ئەنسىرەپ يۈرىكىمىز قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولدى، كۆرۈپ كۆڭلىمىزنى ئارامغا چۈشۈرگەن بولسىلا …
ئەبۇ ھارىس كاشغەرىي يۈسۈپ قادىرخاننىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى. ئالاقازەل ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، كۆز ئۈزمەي سەپبىلىپ تۇرغان سۇلايمان ئارسلانخانغا قاراپ باش چايدى:
— ئەھۋالى ئېغىر، يۈرىكىنىڭ سوقۇشى پەۋقۇلئاددە تېز، سوقۇشىمۇ رىتىمسىز، بىر ئىش قاتتىق تەسىر قىلغاندەك تۇرىدۇ، يۆتەلشكىمۇ، گەپ سوراشقا، ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بولمايدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرۇشسىلا. قان باش تەرەپكە تەپكەندەك تۇرىدۇ، پېشانە تومۇرىدىن بىرئاز قان ئالىمەن، ئاللا شىپالىق بەرسە ئەجەب ئەمەس.
ئەبۇ ھارىس كاشغەرىي تېزلىكتە بۇغرا قاراخاننىڭ پېشانىسىدىن بىرئاز قان ئالدى. يۈسۈپ ئېگىلىپ پىيالىدىكى
قارامتۇل، قويۇق قاننى كۆردى. — ئىنساننى قان تۇتۇپ تۇرىدۇ، قان سوۋۇلۇپ كەتسە بەدەن ئاجىزلىشىدۇ، قويۇلۇپ كەتسە سەپرا ئۆرلەپ ئادەم تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ — دە، قان تومۇر يېرىلىش، مېڭىگە قان چۈشۈشتەك خەتەرلىك كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خاقانىمىزنىڭ قېنى قويۇقلىشىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرى تارىيىپ كەتكەنلىكتىن، قان يېتىشمەي يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى تېزلىشتۈرۈۋەتكەن، سەپراسىنى ئۆرلىتىپ، مېڭىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتىشى بىلەن ھوشىنى يوقاتقان. ئەھۋال خەتەرلىك، قان ئالدىم، يەنە بىرئاز كۈتەيلى. سىز بالام، خاقان ئالىيلىرىنىڭ پۇتىنى ئۇۋۇلاڭ، مەن چىكىسىنى تۇتاي، — دېدى ئەبۇ خارىس كاشغەرىي كېسەل ئەھۋالىنى سۇلايمان ئارسلانخانغا مەلۇم قىلىپ. ئۇ تونىنى سېلىۋېتىپ يۈسۈپ قادىرخان ئالىيلىرىنىڭ چىكىسىنى يېنىك ئۇۋۇلاشقا كىرىشتى، يۈسۈپ پۇتىنى ئۇۋۇلاشقا تۇتۇندى. شۇ چاغدا ھۇجرىغا كىرىپ كەلگەن ھەسەن تېگىن بىلەن مەھمۇد تېگىن: — خاقان بوۋامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ — دەپ سوراشتى. — قارىغاندا، ئۇزاققا قالماي ھوشىغا كېلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، شاھزادىلىرىم، — دېدى ئەبۇ خارىس كاشغەرىي خاقاننىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايىغا قان يۈگۈرۈۋاتقانلىقىغا زېن قويۇپ. — تەڭرىم، بوۋامنىڭ كېسىلىگە ئۆزۈڭ شىپالىق بەرگەيسەن، سەن ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ھاكىم سەن، — دەپ ئىلتىجا قىلدى مەھمۇد تېگىن ۋە بوۋىسىنىڭ تومۇرلىرى كۆپكەن قوللىرىنى ئۇۋۇلاشقا كىرىشتى. ھەسەن تېگىننىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىلداپ تۇراتتى، ئۇمۇ بوۋىسىنىڭ بىر پۇتىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى. سۇلايمان ئارسلانخان ئوغلىنىڭ كۆزىگە ياش ئالغانلىقىنى كۆرۈپ: «بوۋىسىغا بەك ئامراق بۇ بالامنى يۆلەنچۈكىدىن ئايرىمىغىن خۇدايىم» دەپ ئىچىدە ئىلتىجا قىلدى. بۇ ئۆلۈمھەدىمۇ ئاتىسىغا ناھايىتى ھېرىس ئىدى. ئۇنىڭ
تەشۋىشى كۆچەيمەكتە ئىدى، ئۇ نەزىرىنى ئاتىسىدىن ئۈزمەي تەخت يېنىدا تۇردى.
يۈسۈپ قادىرخان كۆزلىرىنى ئاستا ئاچتى، چىرايىدىكى سېرىقلىق يوقىلىپ ئەسلىگە كەلگەنىدى. ئۇ بۇ ھارىس كاشغەرىي تۇتۇپ كۆرۈپ، تومۇرىنىڭمۇ ئاستىلىغانلىقىنى بىلدى، ئۈستىدىن ئېغىر يۈك ئېلىۋېتىلگەندەك يېنىك تىن ئالدى.
— ياخشى بولۇپ قالدىلىمۇ، ئالىيلىرى؟ — سورىدى ئۇ كۆڭلى ئارامغا چۈشۈپ.
— ئەلھەمدۇلىللا، ھەكىم، — بۇغرا قاراخان بېشىنى كۆتۈرۈپ تەختتە يۆلىنىپ ئولتۇردى، — نېمە ئىش يۈز بەردى، ھەممىڭلار جەم بولۇپ قاپسىلەرغۇ؟ — ئۇنىڭ ئاۋازى بوش ئىدى.
— سۆزلەۋېتىپ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىپ قالدىلا، شۇنىڭ بىلەن …
— توختاڭ، ھاجىپ، — بۇغرا قاراخان رەيھانىننىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى، ئاۋازىمۇ چىڭىراق چىقتى، — ھە، شۇنداق … بايا مەن سۆزلەۋاتاتتىم، ئەمدى يادىمغا كەلدى.
— شۇنداق، ئالىيلىرى، ئەمدى ياخشى بولۇپ قالدىلا، ئىلاھىم ئۆمۈرلىرىگە ئۆمۈر قوشقاي، — دېدى رەيھانىن خاقاننىڭ خىيالچان چېھرىگە بېقىپ، — ئۆزلىرىنى بىئارام قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن كېچىورگېيلا.
— سىز مېنى بىئارام قىلغان بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاۋامنى بىئارامچىلىقتىن ساقلاپ قالماقچى بولدىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە كاتتا ئىنائەت بېرىمەن ئەرزىيدۇ، — يۈسۈپ قادىرخان سەل توختىۋېلىپ ئېغىر تىن ئالدى — دە، سۆزىنى ئاستا داۋاملاشتۇردى، — ئوغلۇم توغرۇلۇق دېگەنلىرىڭىز مېنى نېمىشقا ئەندىشىگە سالمىسۇن؟
— شاھ ئاتا، قايسى ئوغۇللىرى ئو سىلىنى مۇنچە بىئارام قىلغان؟ — سۇلايمان ئارسلانخان چۆچۈگەندەك ئىختىيارسىز
سورىدى قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ. — مۇھەممەد ئارسلانخان! — ئېنىم سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، شاھ ئاتا. — سۇلايمان! — يۈسۈپ قادىرخان ئۇنىڭغا تىكىلدى. — لەببەي، شاھ ئاتا. — ئۈچ كۈن ياخشى تەييارلىق قىلىپ قۇزئوردۇغا قاراپ يولغا چىقىسلا! — ئەمرلىرىنى بەجا كەلتۈرىمەن، شاھ ئاتا. — سىلى مېنىڭ تەخت ۋارىسىم، يارلىقىمنى قۇزئوردۇغا ئېلىپ بېرىپ، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئورنىغا ئېلىكخان بولۇپ، ئۇنى ئوردۇكەنتكە قايتۇرۇۋەتسىلە. ئۇنىڭ يېنىمدا تۇرغىنى ياخشىدەك قىلىدۇ، بولمىسا خاتىرجەم بولالمىغۇدەكمەن. — پېرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرىمەن، شاھ ئاتا. — سىلىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، بالام. بەش مىڭ سىپاھ بىلەن يولغا چىقىسلا. — خۇداغا ئامانەت، ئاتا، ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا. سۇلايمان ئارسلانخان يارلىقنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. يۈسۈپ قادىرخان ئوغلىنىڭ كەينىدىن قارىغىنىچە كۆكرىكىنى تۇتۇپ قالدى، ئۇنىڭ يۈرىكى سانجىلىپ ئاغرىپ كەتكەنىدى. — ئالىيلىرى، نېمە بولدىلا، يۈرەكلىرى سېلىپ كېتىۋاتامدۇ؟ — ئەبۇ ھارىس كاشغەرىي خاقاندىكى ئۆزگىرىشنى بايقىپ سورىدى. — ھېچنېمە بولمىدىم، ئەپچى بېشى، بىردەم ئۆز ھالىمغا قويۇڭلار، — دېدى يۈسۈپ قادىرخان تەختكە يۆلىنىپ. بۇغراخان سارىيىنى جىمجىتلىق باستى. ۋاقىت قىيام بولغانىدى. رەيھاندىن ئوردا سارىيىغا كىرگىنىگە تۆت سائەت بولغىنىنى قىياس قىلدى. بۇ ۋاقىت تەشۋىش — ئەندىشە بىلەن
ئۆتتى. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن كېسەل كەينىگە يانغاندەك بولدى. يۈسۈپ قادىرخان قوللىرىنى كۆكسىگە باسقىنىچە كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇراتتى. چىرايى يەنە سارغىيىپ، چىكىلىرىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى. گەرچە بايىقىدەك بېشى قوشۇلۇپ ئاغرىمىغان بولسىمۇ، يۈرىكى قىسىلغاندەك مۆجۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
«خاقانغا يەنە نېمە بولغاندۇ؟ مېنى سۇلايمان ئارسلانخانغا ھەمراھ بولۇپ بىللە يولغا چىقسۇن دېمىسۇن دېسەم، بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمايلا ئۆزگىرىپ قالدى. تەخت ۋارىسى بىلەن قوزۇردۇغا بىللە بارسام ياخشى بولاتتى…»
— ھاجىپ، سىز ئوغلۇم بىلەن بىللە كېتىپ قالماڭ، يەنە مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار، — دېدى بۇغرا قاراخان كۆزىنى بىردىن ئېچىپ.
— ئالىيلىرى، ئىجازەتلىرىسىز يانلىرىدىن ھېچ يەرگە كەتمەيمەن.
بۇغرا قاراخان يەنە جىم بولۇپ قالدى.
— ئالىيلىرى، ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلىۋاتىدۇلا؟ — سورىدى ئەبۇ خارىس كاشغەرىي ئېگىلىپ.
كۆزىنى ئاچقان بۇغرا قاراخان:
— باياتىن يۈرىكىمگە بىر نەرسە سانجىلغاندەك بولۇپ ئاغرىپ كەتكەندى، ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم، ئەپچى بېشى.
— ئالىيلىرى، ئەپچىخانىدا يەنە بىر مەزگىل داۋالانمىسلا بولمايدۇ، ئەل بەختىگە سالامەت بولۇشلىرى زۆرۈر، — دەپ ئۆتۈندى ئەبۇ خارىس كاشغەرىي.
— ماقۇل، بىر مەزگىل ئەمەس، بىرنەچچە كۈن داۋالىناي.
— تېز ئەسلىگە كېلىشلىرىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز، — دېدى رەيھاندىن خاقاننىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە ياردەملىشىپ.
يۈسۈپ قادىرخان مېڭىپ سارايدىن چىقتى، پادىشاھ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئەپچىخانىغا باردى، كېسىلى بولسا
كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتتى. تايانچۇلار كېڭىشى بالاساغۇن، بارسخان، سەمەرقەنتلەرگە چاپار مەن ماڭدۇردى. يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قەشقەردە يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى.
2
قەشقەرنىڭ ئىسسىق ياز ئايلىرى باشلىنىپ ئۈجمە ئىككىنچى قېتىم مەي بولدى. گىلاس، ئۆرۈك، چىلگە، شاپتۇل، توغاچ، ئاق كۆكچى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا كىردى. ھەر خىل مېۋىلەر كوچا - كويلارغا تولۇپ كەتكەندەك، رەستە - دۇكانلارغا ھەر ياندىن كەلگەن يىپەك، يىپ رەختلەر توشۇپ كەتتى. رەيھانىنىڭ چاڭئەن، ھىندىستان، پارس، ئەرەب دىيارلىرىدىن كېلىدىغان ماللىرىمۇ كېيىن - كېيىندىن يېتىپ كېلىپ قەشقەر بازارلىرىنى قىزىتۇۋەتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتەگەن يۈسۈپ بىلەن ئوردا ئاشخانىسىغا بېرىپ يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنى يوقلاپ دىۋانخانىغا كىرەتتى ۋە نائىب بۇغرا قاراخان يېنىدا بولاتتى. يۈسۈپ ساچىيە مەدرىسىگە بېرىپ ئۇستازلاردىن دەرس ئالاتتى.
ئىككى ئاكسى بولمىغاچقا، كېنجى ئوغۇل مەھمۇد ئارسلانخان نائىب خان بولۇپ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتاتتى. مىجەزى چۇس بولغان بۇ شاھزادە بەزى ئىشلارنى يېنىكلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى. شۇڭا، يۈسۈپ قادىرخان سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە رەيھانىنىڭ كەتمەي تۇرۇشىنى، باش مۆھۈردار بولۇپ ئوردىدا خىزمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بالاساغۇنغا قايتىپ كېتىشى تېخىمۇ ئارقىغا سۈرۈلدى.
يۈسۈپ چۈش ۋە كېچىئورۇنلۇقى ئاتىسى بىلەن بىللە بولاتتى، قولىدىن كىتاب چۈشمەيتتى، كۈندىن - كۈنگە بىلىمى، تونۇشلىرى كۆپىيىپ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ كەتتى.
ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپتىن تىل - ئەدەبىيات، مەنتىقە، مۇھەممەد ئەل كاشغەرىيدىن تارىخ، پەلسەپە، باشقا مۇدەررىسلەردىن ئىلمىي نۇجۇم، تىبابەت، ھېسابات، مۇزىكىغا ئائىت بىلىملەر بويىچە دەرس ئالاتتى، سەيلە - ساياھەتكە، شىكارغا چىقىشقىمۇ ۋاقتى يېتەتتى. پەقەت ئاتىسى بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئەمىخانىغا بېرىپ بۇغرا قاراخاننى يوقلاپ تۇراتتى، خالاس.
يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئەنجۈر پىشتى. قارا كۆكچىنىڭ شاپىقى يەرگە چۈشتى. سايە - سالقىنلىق ھۇزۇرلۇق تومۇز كىردى.
يۈسۈپ بۈگۈن مەدرىسىدىن كەچرەك ياندى. تۆۋرۈكلەرگە ئەگمە چىقىرىلغان سالاسۇنلۇق پېشايۋاندا، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان رەيھاندىن بىلەن بەگتاش جالالىددىن كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەلگەن يۈسۈپنى يانلىرىدا ئولتۇرغۇزۇشتى.
-
ئوغلۇم، سىلى بەك خۇشالغۇ؟ - دېدى رەيھاندىن يۈسۈپنىڭ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتكەن چىرايىغا زېن سېلىپ.
-
ئىمتىھاندىن ئەلا ئۆتۈپ، ئۇستازلارنىڭ مەدھىيەلىشىگە، ساۋاقداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتىم، ئابا.
-
قايسى دەرسلەردىن ئىمتىھان بەردىلە، بۈگۈن بەلگە يىگىت؟ - سورىدى بەگتاش جالالىددىن غۇلامى ئېلىپ چىققان داستىخاننى ئۆزى سېلىپ.
-
تىل - ئەدەبىيات، پەلسەپە دەرسلىرىدىن. ئۇستازىم ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ھەزرەتلىرى باشقىلار بىر يىلدىمۇ ئۆگىنىپ بولالمايدىغان بىلىمنى بىر ئايدا ئىگىلەپ بولغانلىقىمنى ئېيتىپ، يەنە «ئەرەب، پارس تىللىرىنى مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىكەنلا» دەپ ماختىدى. مەن تېخى ساۋاقداشلىرىمدىن ئارقىدا قالدىممىكىن، دەپ ئەندىشە قىلغانىدۇم، - يۈسۈپ سۆزىدىن توختاپ، ئاتىسىنىڭ غەمكىن ھالدا گېپىگىمۇ سەما بولماي يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىدىن ئەجەبلىنىپ
سورىدى، ئابا، گېپىم سىلىگە ياقمىدىمۇ نېمە؟ ئاڭلىغۇلىرى كەلگەنەكتەك تۇرىدۇ، دىللىرىغا ياقمايدىغان سۆزلەرنى دەپ سالدىممۇيا؟
رەيھاندىن ئونىڭغا مېھرى بىلەن تىكىلىپ باش چايدى:
يوقسۇ بالام، ئېيتقانلىرى پېقىرنى مەمنۇن قىلغان بولسىمۇ، مۇشۇ تاپتا كۈلەلمەيمەن، تەبەسسۇم بىلەن سۆيۈنگەنلىكىمنى ئىپادە قىلالمايمەن، كۆڭلۈم ئارامدا ئەمەس.
نېمىشقا، نېمە ئىش بولدى، ئابا؟
بۇغرا قارىخانىمىز يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ سۆزدىن قالدى. چۈشتىن كېيىن ئونىڭ يېنىدا بولدۇم، بالام. ئوغۇللىرىغا تارتىشتىمۇ، كۆزىنى ئىشىكتىن ئالماي ياتىدۇ. بارلىق خان جەمەتى، ۋەزىر، ئەمىرلەرى، ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يابغۇ، ئارسلانخانلىرى، چاغىربەگ، تارخانبەگلىرى ئوردا سارىيىغا پاتماي قالدى. مەن بەگتاش جالالىددىن بىلەن سىلىنى خەۋەرلەندۈرۈپ، تونۇمنى يۆتكۈۋېلىش ئۈچۈن كەلدىم.
ئۇنداق بولسا نېمىشقا ئولتۇرىمىز، ماڭايلى ئابا، يۈسۈپ ئېتتەك ئورنىدىن تۇردى.
يۈسۈپ ئالدىراپ تاماقنى يەپ ئوردا سارىيىغا بارغىنىچە كېچىچە شۇ يەردە بولدى. ئەتىگەنلىك تاماقنى ئوردا ئاشخانىسىدا نۆۋەت بىلەن چىقىپ يەپ كىرىشتى. بۇغرا قارىخان ئىشىكتىن كۆزىنى ئالماي پۇشۇلداپ ياتاتتى، گەپ قىلمايتتى، چىرايى سارغىيىپ، بۇرۇت ساقاللىرى تىكلىشىپ قالغانىدى، كۆزلىرى يېرىم ئوچۇق ئىدى. باش تەرىپىدە توققۇز نەپەر قارى سۈرە «ياسىن»نى بوش، لەرزان ئاۋاز بىلەن تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. مەھمۇد تېكىن، ھەسەن تېكىنلەر ئىككى يېنىدا قاراپ تۇرۇشاتتى. بۇغرا قارىخاننىڭ يېتىپ داۋالىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بۇ ياتاقنى سۈرلۈك جىمىتلىق قاپلىغانىدى.
يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن چۈشتىنمۇ ئۆيىگە قايتمىدى. كۈن غەربكە قىيسايغان چاغدا قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مۇھەممەد ئارسلانخان، ھۈسەيىن تېگىنلەر كىرىپ كېلىشتى.
— خان ئاتا! — دەپ تېلمۇرۇپ قاراشتى ئۇلار. يېرىم يۇمۇق كۆزلىرى ئاستا ئېچىلغان يۈسۈپ قادىرخان پەرزەنتلىرىگە، نەۋرىلىرىگە مۆلدۈرلەپ ئۇزاق تەلمۈردى، ئۇ «پەرزەنتلىرىمنى بىر كۆرۈۋالسام» دېگەن ئارزۇسىغا يەتكەنىدى. خان بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى قىمىرلاتتى، لېكىن ئۈنى چىقمىدى، شۇ قارىغىنىچە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالماي ئۇ دۇنياغا جىمجىتلا كېتىپ قالدى …
رەھىمسىز ئۆلۈم شۇنچە كاتتا پادشاھنى بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ ئامالسىز قالدۇرۇپ ئېلىپ كەتتى!
— خان ئاتا!
سۇلايمان ئارسلانخان «ئاتام بىزگە تارتىشقان ئىكەن — دە» دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى، يۈرىكىدىن سىرغىغان ھەسرەت تامچىلىرى كۆزىدىن قويۇلدى …
مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆمۈلگەن رەيھاندىن ئۆزىنى تۇتقان ھالدا ئاستا كېلىپ، بۇغرا قاراخاننىڭ شاھزادىلەرگە تىكىلگىنىچە قېتىپ قالغان كۆزىنى سىيپاپ يۇمدۇرۇپ قويدى.
ھەسەن تېگىن، مەھمۇد تېگىنلەر ئامراق بوۋىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنى ئۈچۈن زار — زار يىغلاشتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان خان ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمھالەتتىكى ئاكىسىنى بالاساغۇنغا ئەۋەتىپ ئۆزىنى چاقىرتىشقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېخى ئېنىق بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى بولسىمۇ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىيالمىغىنى ئۈچۈن ھەسرەت — نادامەت چېكىپ قالغانىدى.
بارسغاندىن كەلگەن ھۈسەيىن ئارسلانخان، بوۋىسى تەربىيەت قىلغان ئوغلى مەھمۇد تېگىننىڭ يامغۇردەك ياش
تۆكۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نېمىشقا بۇرۇنراق كەلمىگەندىمەن، دەپ ھەسرەت چېكىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.
شاھزادىلەر، ۋەزىر - ئەمىرلەر ئۆلىماھەدى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئەمرى بىلەن، مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھنى ئوردىغا يۆتكەپ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئادا قىلىشقا كىرىشتى.
خانىش ئالتۇن تانىم ئەسما ئاغىچا بىزگە بۇ ئېغىر مۇسىبەتنىڭ زەربىسىدە نەچچە قېتىم ھوشىدىن كېتىپ، يەنە ھوشىغا كەلدى. ئۇ خان جەمەتىدىكى ئاياللارغا باشچىلىق قىلىپ، ھەرەمنىڭ ئايۋان سارىيىدا ھازا تۇتۇپ يىغا - زار قىلىۋاتاتتى. جان ئۈزۈش ئالدىدا ئېرىدىن رازىلىق ئېلىۋالالمىغىنى ئۈچۈن ھەسرەت چېكەتتى. كېچىچە ئوردىدا ھېچكىم ئۇخلىمىدى. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ باشچىلىقىدا قىرىق قارى خاس ھۇجرىدىكى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مېيىتى يېنىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۈسۈپمۇ بار ئىدى.
چولپان توغىدىغان مەھەلدە، ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ دۇئا قىلىپ، ئوردىدىكى ئالاھىدە ياسالغان مېيىت يۇيۇش ئۆيىگە بۇغرا قاراخاننىڭ جەسەتنى ئېلىپ چىقتى. رەيھاندىن، شەيخۇلئىسلام نۇرىددىن مەخدۇم، خانلىق مەدرىسەنىڭ باش مۇدەررىسى جالالىددىن باغدادىلار تۆمەن دەرياسىنىڭ ئىسسىتىلغان ئېلىق سۈيى بىلەن مېيىتنى يۇيۇپ كېپەنلىدى.
بامدات نامىزىغا ئەزان چىقتى.
مېيىت ئاپپاق يوپۇق يېپىلغان جىنازىغا سېلىنغاندا، ئوردا، ھەرەمدە كۆتۈرۈلگەن يىغا - زاردىن ئاسمان - زېمىن لەرزىگە كەلدى.
جىنازەنىڭ ئالدىدا قارا تون كىيىپ، ئاق سەللە ئورىغان سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد ئارسلانخان، مەھمۇد ئارسلانخان، ھۈسەيىن تېكىن، ھەسەن تېكىن، مەھمۇد تېكىن قاتارلىق
شاھزادىلەر، بۇغرا قاراخاننىڭ جەمەتلىرى ماڭغانىدى، ھېچقايسىسى تاج كىيمىگەنىدى. بۇغرا قاراخان تاج - دۆلەتنى تاشلاپ كېتىۋاتسا، بۇ مۇسىبەت كۈنىدە كىممۇ ئاللاغا يېقىن بولۇشنى خالىمىسۇن؟!
جىنازىنىڭ ئىككى يېنىدا قىرىقتىن سەكسەن نەپەر قارى لەرزان ئاۋاز بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلماقتا. سۇبېشى، سانغۇنلار، كۆكتېگىن، چاغىربەگلەر، يابغۇ - تارخانبەگلەر ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە ئاياغ باسماقتا. جىنازىنىڭ ئارقىسىدا دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىم - ئەدىبلەر، ھۆكۈما - تېۋىپلار، ياساۋۇل - نۆكەرلەر، ئوردا، ھەرەمنىڭ غەر خىزمەتچىلىرى كەلمەكتە.
ئوردا ئالدىدىكى ئادەم دېڭىزى ئىچىدە جىنازا گويا ئاق يەلكەندەك ئۈزۈپ، قولدىن - قولغا ئۆتەتتى. يۈرەكلەرنى لەرزىگە سېلىپ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزاتتى.
ئاسمانمۇ قارا لىباس كىيىپ ئالەمنى مۇڭغا چۆمدۈرگەنىدى. دەل - دەرەخلەر، گۈل - گىياھلارمۇ شۈركۈلۈپ يىغلىماقتا ئىدى …
قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامائە - ئازنا مەسچىتتە بۇغرا قاراخاننىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، تۈمەن دەرياسىنىڭ غەربىدىكى چار باغقا دەپنە قىلىندى.
سۇلايمان ئارسلانخان:
— بۇغرا قاراخان ئاتام ۋاپاتىنىڭ ئۈچىنچى، يەتتىنچى، قىرىقىنچى كۈنلىرى كالا - قوي سويۇپ يۇغ① بېرىلسۇن. قىرىق كۈن توشقۇچە ھەر پەيشەنبە كۈنى يېتىم - يېسىملەرنى چاقىرىپ خەتمىقۇرئان قىلىنسۇن، يىل توشقاندا يەنە يۇغ بېرىلسۇن، — دەپ يارلىق چۈشۈردى.
رەيھاندىن ئوغلى بىلەن بۇغرا قاراخاننىڭ قىرىق نەزىرىسى
① يۇغ — كەمبەغەل، نامراتلارغىلا بېرىلىدىغان نەزىر. قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆلۈم ئۈچۈن بېرىلگەن يۇغلارغا بايلارلا ئەمەس، ھۈنەرۋەن - كاسىپلارمۇ قاتناشمايتتى، نامراتلارغا بېرىلگەن يۇغنى ئۆزلىرىگە نامۇناسىپ، دەپ قارايتتى.
ئۆتكۈچە تۇرۇشنى، ئاندىن بالاساغۇنغا كېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، دىققەت - نەزىرىنى نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىغا قاراتتى.
يۈز بەرگەن بىرىنچى ئىش: تايانچۇلار كېڭىشى، دىۋانى ئارىزمۇ، توغرائى دىۋانى ① بىرلىكتە چىقارغان قارار بويىچە ئۆلۈمھالەت سۇلايمان ئارسلانخان ئالتۇن ئۆگە ر توقۇلغان بۇغرا تۈڭلۈككە مىنىپ بۇغرا قاراخانلىق تاجىنى كىيدى. ئۇ يارلىق چۈشۈرۈپ ئىنىسى مەھمۇد ئارسلانخاننى قەشقەر دىيارىغا ئېلىكخان قىلىپ تەيىنلىدى. بۇغرا قاراخاننىڭ قىرىق نەزىرىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن بۆرە تېگىننى ئامۇ، سىر دەريا ۋادىسى، شاش، پەرغانە ۋىلايەتلىرىنىڭ ئېلىكخانلىقىغا تەيىنلەپ، بۇغرا قاراخاننىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۆرە تېگىن ئەتەسلا ئۇنىڭ ئاغزىنى ئالماي سەمرقەندكە كەتتى.
ئىككىنچى ئىش: سۇلايمان ئارسلانخان قەشقەردە تۇرماي، بالاساغۇندا تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ كۈنى بۇغرا قاراخان سارىيىغا ۋەزىر، ھاجىپ، ئەمىرلەردىن باشقا، خان جەمەتىنىڭ چوك - كىچىك شاھزادىلىرى، ئىنان تېگىن ②، تارخانبەگ، چاغرىبەگ، كۆكتايبەگلەرمۇ يىغىلغانىدى. رەيھاندىنمۇ يۈسۈپنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
«ئەمدى بارسىغانغا كىمنى قوياركىن؟» دەپ ئاكىسىنىڭ ئاغزىغا قارىغان مۇھەممەد ئارسلانخان ئەبۇ ھەسەن تېگىننىڭ نامىنى ئاڭلاپلا، قوشۇلمايدىغانلىقىنى سۆز بىلەن ئەمەس، تۇتۇلغان چىرايى بىلەن بىلدۈردى. «مېنى تالاسقا ھەيدىۋېتىپ، ئاغزىدىن سۈت تېمىپ تۇرىدىغان ئوغلىغا بارسىغاننىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇپ قويۇشى مۇددەتسىز ئەمەس، ئارسلانخان ئۇنۋانىنى بېرىپ ھەممىمىزنىڭ ئۈستىگە قويماقچى. قوزئوردۇغا
① توغرائى دىۋانى — ئىچكى - تاشقى كاتىبات ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىشخانا. ② ئىنان تېگىن — ئاتىسى خان جەمەتىدىن، ئانىسى ئاۋامدىن بولغانلارغا ياكى خان جەمەتىگە يېقىن ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە بېرىلىدىغان نام.
كەتمەكچى بولۇشمۇ مېنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن …»
— ئارسلانخان ئىنىم، بۇ پەرمانىمغا قارىتا قانداق مەسلىھەتلىرى بار. كۆڭۈللىرىدىكىنى ئېيتىپ، پېقىرنى خاتىرجەم قىلغايلا، — دەپ ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى سۇلايمان ئارسلانخان.
خۇيى تۇتقان مۇھەممەد ئارسلانخان بېشىنى كۆتۈردى:
— پەرمانلىرى ئېلان قىلىنىپ بولغان تۇرسا، مېنىڭ يەنە قانداق مەسلىھەتەم بولسۇن، بۇغرا قاراخان ئاكا، ئىجازەت بەرسىلە يولغا چىقسام … — مۇھەممەد ئارسلانخان ئورنىدىن تۇردى.
— ئىنىم، مەنمۇ ماڭىمەن ئەمسە. ئاتىمىزنىڭ دۇئاسىنى ئالالماي قالدۇق، ئەمدى ئانىمىزنىڭ دۇئاسىنى بىللە ئېلىپ، ئوردۇكەنت خەلقى بىلەن خوشلىشىپ ئاندىن يولغا چىقايلا، — دېدى سۇلايمان ئارسلانخان سەمىمىي ھالدا بوش ئاۋاز بىلەن.
مۇھەممەد ئارسلانخان سۈكۈت قىلىپ جاۋاب بەرمىدى.
— بۇغرا قاراخان ئاغام توغرا دېدى، ئاكا. سىلى ئالدىراپ كېتىپ قالسىلا بولمايدۇ، مەسلىھەتلىرى بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك، — ئەبۇ ھەسەن تېگىن تەئەززۇ بىلەن مۇھەممەد ئارسلانخاننى قەشقەردە ئۇزاقراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى، — ئاكا، ئۆزلىرى كۆپ يەرلەرگە بارغان، كۆپنى كۆرگەن. پېقىر ئىنىلىرى ئەلنى باشقۇرۇشتا تەجرىبىسىز، ئاتام دېگەندەك ئۇستاز بولۇپ مەدەت بەرسىلە.
«شۇنچە ياش تۇرۇپ بارسىغانغا ئېلىكخان بولسا ئەلنى باشقۇرۇپ كېتەلەرمۇ؟» دەپ ئويلاپ قالغان رەيھاندىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلاپ پاساھەتكە تېخىمۇ قايىل بولدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن مەدرىسە ۋە باشقا جايلاردا ئۇچراشقاندا كەم سۆز، سالماق، جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشقانىدى. يۈسۈپمۇ ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ قالغانىدى. «كەمتەرلىك، سەمىمىيلىك بىلەن قىلىنغان سۆزلىرى
ھەممىلا نەرسىنى تەسىرلەندۈردى، يېشىغا نىسبەتەن ئەقلى چوق ئىكەن، كەلگۈسىدە بۇغرا قاراخان بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس» دەپ ئىچىدە بارىكاللا ئوقۇغان يۈسۈپ بولۇۋاتقان گەپلەرنى زېھنىنى قويۇپ ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇنداق دۆلەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان كاتتا كېڭەشكە قاتنىشىشى بىرىنچى قېتىملىق ئىدى.
— بوۋا، نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ سۇلايمان ئارسلانخان بوۋام بىلەن ھەسەن تېكىن ئاغامنىڭ يۈزىنى قىلساقچۇ. ئوردىدىن ئوزاقراق تۇرساق كاتتا مواماممۇ خۇرسەن بولىدۇ، — مەھمۇد تېكىن خىيال سۈرۈپ قالغان ئاتىسى ھۈسەيىن تېكىنگە قاراپ قويۇپ، مۇھەممەد ئارسلانخاندىن جاۋاب كۈتتى.
شاھزادەنىڭ بۇ سۆزىمۇ يۈسۈپكە مەنزۇر كەلدى. «مەھمۇد تېكىن ئەجەب چىچەن ئىكەن، تازا جايىدا گەپ قىلدى، بوۋىسى ئەمدى نېمە دەركىن؟» دېدى يۈسۈپ ئىچىدە. بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەختى يېنىدىكى كۆرۈستە خىيالغا چۆككەن مۇھەممەد ئارسلانخان كۆز سېلىپ:
— سەن مەن بىلەن كەتمەمسەن، قوزام؟ — دېدى جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ.
— بوۋا، بۇنداق پەش قىپىپ كېتىپ قالىدىغان بولساق ھەممىلا نەرسىنى رەنجىتىپ قويىسەن. ئويلاراق ئىش قىلغىن. راستىمنى ئېيتسام، كەتكۈم يوق، كاتتا موامامنىڭ يېنىدا قالىمەن، — دېدى مەھمۇد تېكىن.
— بالام، بىز بىلەن كەتمىسەڭ بولمايدۇ، — دېدى ھۈسەيىن تېكىن.
— مەن ساچىيە مەدرىسىدە ئوقۇۋاتىمەن، ئاتا. ئوقۇشۇمنى تاشلاپ كېتەمەمدىمەن؟ كاتتا بوۋام تۆگەپ كەتكەن بىلەن كاتتا موامام بارغۇ. پېقىرنى تەربىيەلەۋاتقان ئەزىز ئۇستازلىرىم مەن كەتمىسەم نېمىدەپ قالار؟
— بالام، ئوغلىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن
تالاشما، قالسا قالمامدۇ؟ يەنە بىرئاز تۇرساق تۇرايلى، بۇغرا قاراخان ئاكام رۇخسەت قىلغاندا يولغا چىقىمىز، دېيىشكە مەجبۇر بولدى مۇھەممەد ئارسلانخان.
ئۆزەر، ھاجىپلار بۇغرا قاراخاننىڭ پەرمانلىرى بىلەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. كېڭەش تۈگىدى.
رەيھاندىن بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن يولغا چىقىش قارارىغا كېلىپ، يۈسۈپ بىلەن ئوردىدىن قايتتى.
3
قارىياغاچ، ئەرمۇدۇن دەرەخلىرىنىڭ بالدۇر سارغايغان يوپۇرماقلىرى يېنىك شامالدىن ئۈزۈلۈپ، قۇمساققۇ قىرغاققا، ئۇ يەردىن پىلدىرلاپ ئۇچۇپ سۇغا چۈشۈپ ئېقىپ كېتەتتى. قىرغاقتىكى دەرەخ تۈۋىنى ماكان ئەتكەن چۆمۈلىلەر ئوزۇق ئىزدەپ پىتراپ كېتىشكەنىدى. تاقلاپ سەكرەپ كېلىشكەن بىر توپ كېيىك غازاك، چۆمۈلىلەرنى دەسسەپ چەيلەپ دەريا بويىغا چۈشۈشتى، ئۇياق بۇياققا بويۇنداپ قارىشىپ، شەپە سەزمىگەندىن كېيىن سوزۇق سۇغا تۇمشۇقىنى چۆكۈرۈپ سۇ ئىچكىلى تۇردى، شۇنداقتىمۇ پات پات باش كۆتۈرۈپ قورقۇپ، يەنە باش چۆكۈرۈپ سۈمۈرۈشەتتى. قارا بويۇن چىرايلىق بىر كېيىك دەھشەتلىك چۆچۈپ، سەكرەپ قىرغاق ئۈستىگە چىقتى دە، يىقىلدى، بېقىنىغا يا ئوقى سانجىلغانىدى.
چۆچۈگەن كېيىكلەر ئۈركۈپ قېچىشتى، يەنە ئىككى كېيىكمۇ ئوق تېگىپ يىقىلدى.
چوقان سېلىشىپ كەلگەن بىر توپ نىقابلىق ئادەم قۇمساققۇ قىرغاقتا توختىدى. زەر چۈچىلىك قىزىل يىپەك يېپىنغان غۇنچە بوي بىرىسى:
ئاتتىن چۈشۈڭلار، بۇ جاي خىلۋەت ئىكەن، دېدى بۇيرۇق ئاھاڭىدا. ئۆزى يەرگە پۇت قويۇپ يۈزىدىكى قارا تور
نىقابنى كۆتۈردى. ئەگىم قاشلىق، چېھرى ئاق سېرىق، چىرايلىق بىر نازىنىن پەيدا بولدى، ئۇنىڭ بېشىدا ئالتۇن تاج يالتىراپ تۇراتتى، ئەركەچە كىيىمى ئۆزىگە ياراشقاندەك قىلاتتى. باشقىلارمۇ ئاتتىن چۈشۈپ يۈزىدىن نىقابنى ئېلىشتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايال زاتىدىن ئىدى، ئاتلىرىنى دەل - دەرەخلەرنىڭ ئاچىماقلىرىغا باغلاپ قويۇشتى.
— كۆردۈڭلارمۇ، مەن يادىن ئۆزگەن ئۈچ ئوقنىڭ بىرىمۇ زايه كەتمەپتۇ، — دېدى غۇنچە بوي پەرى كۈلۈپ.
— كۆردۇق، ئالتۇن تارىم ئالىيلىرى مەرگەن ئەمەسمۇ، — دېيىشتى ھەمراھلىرى قىزىقپ قاراپ.
— قويۇق، توقۇش ئىككىڭلار بۇ كىيىكلەرنى سويۇپ كۆپۈپ قىلىڭلار.
— باش ئۈستىگە، ئالتۇن تارىم.
— گۈلەم!
— لەببەي، ئالتۇن تارىم، — ئېگىز بويىلوق، بۇغداي ئۆڭلۈك بىر قىز قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ كەلدى.
— سىز ئۈچ كېنىزەك بىلەن ئەتراپنى كۆزەت قىلىڭ، ئادەم زاتى بۇ يەرگە ئاياغ باسمىسۇن. مەن قالغان كېنىزەكلىرىم بىلەن دەريادا يۇيۇنىمەن.
— خۇپ، ئالتۇن تارىم ئالىيلىرى، — گۈلەم ئۆزىدەك بويىلوق ئۈچ كېنىزەك بىلەن كۆزەت قىلىشقا تەرەددۇتلاندى.
— ئايچىچەك!
— لەببەي، خانىش، — ئوتتۇرا بويىلوق، قارىقۇمچاق بىر قىز قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ كەلدى.
— يۇيۇنۇشقا تەييارلىنىڭلار!
— باش ئۈستىگە، ئالتۇن تارىم، — كەينىگە يانماقچى بولغان ئايچىچەك قايرىلىپ توختىدى، — خانىش، سۇ سوغۇق، نازۇك تەنلىرىنى توڭدۇرۇپ قويارمىكىن.
— سوغۇق سۇ ئادەمنى ئەندىكتۈرۈپ غەيرەتلىك قىلىۋېتىدۇ.
ئوت بولۇپ يېنىپ تۇرغان تېنىمگە بۇ سۇ ياقىدۇ. بېرىڭ، كېنىزەكلىرىم، دەرياغا چۆمۈلۈپ ئوينايمىز.
— خۇپ، خانىش ئالىيلىرى.
بۇ خانىش باشقا بىرسى ئەمەس، دارغا ئېسىلغان قارلۇق بۆلۈنبەگنىڭ يالغۇز قىزى، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ كىچىك خوتۇنى ئالتۇن تارىم قۇماربىكە ئىدى. ئاتىسى جازالانغاندىن كېيىن ئۇ ئېرىگە ساداقەتلىقنى قايتا قايتا بىلدۈرۈپ، گۇماندىن خالىي قىلىپ، ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئەسىر قىلىۋالغانىدى.
ئۇ بارسغاندىن بالاساغۇنغا كەلگەندىن بېرى، ئاتىسى بوزاغۇنى قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن جايلاردىكى قارلۇق قىساسچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كىرىشكەنىدى. سۇيىقەست بىلەن شۇغۇللانمىسا تۇرالمايدىغان دوقاقبەگ ئۇلارنىڭ يانتايىقى ئىدى.
تۇيۇقسىز ئوردىدىن كەلگەن سۇلايمان ئارسلانخان مۇھەممەد ئارسلانخانغا بۇغرا قاراخاننىڭ ئۆلۈمىنى يەتكۈزدى. بۇنى ئۇققان قۇماربىكە دەسلەپ ناھايىتى قورقتى ۋە ئېرىنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىنى يالغان ئاغرىپ يېتىۋېلىپ ئارقىغا سۈردى. چاپارمان كېلىپ بۇغرا قاراخاننىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىنى يەتكۈزگەندە، ئېرىنى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن بىللە يولغا چىقىشقا ئالدىرىتىپ، يىغا زار بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ۋاپاتى ھەققىدە خەۋەر كەلگەندىن كېيىن، بوزاغۇ بىلەن گۆلگەھەرلىرى ئېچىلىپ، تېشىدا يىغلاپ، ئىچىدە كۈلدى. ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تاقىتى تاق بولدى. ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن قارلۇق قىزلىرىدىن تەركىب تاپقان چەۋەنداز كېنىزەكلەر بىلەن كۈندە قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىشنى مەشىق قىلاتتى، بەزىدە شىكارغا چىقاتتى.
بۈگۈنمۇ ئەتەگەنلىك چايدىن كېيىنلا كېنىزەكلىرى بىلەن يۈزىگە نىقاب تارتىپ شىكارغا ئاتلانغان قۇماربىكە ئايلىنىپ
يۇرۇپ چۇ دەرياسىنىڭ بويىغا كېلىپ توختىغانىدى. ئۇ ئىككى تەرىپىدە ئىككى كېنىزەك تۇتۇپ تۇرغان زەر چۆچۈلۈك قىزىل كۆڭلۈكنىڭ دالىسىدا كىيىملىرىنى سالدى. كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسىنى گۈللۈك شاھى باغىرداق يوشۇرۇپ تۇرسىمۇ، كالتە يىپەك تامبال بىلەنلا قالغان بۇ خانىش ئاجايىپ جەلىپكار ئىدى. بولۇق چاچلىرىنى لىغىلداپ تۇرغان كۆكسىگە تاشلاپ قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا كۆز سېلىپ:
— كىم ئاۋۋال سۇغا سەكرىسە بەش تىللا بېرىمەن، — دېدى، ئىسسىقكۆل بويىدىن تاللىنىپ كەلگەن قىپچاق قىز ئايچىچەك:
— مانا مەن سەكرەيمەن، ئالىيلىرى، — دەپ سۇغا ئاستا كىردى، كۆكسىگىچە ئېقىۋاتقان سۇ قارا چاچلىرى تېگىپ تۇرغان تېپىمىغا، ئىنچىكە بېلىگە، ئاندىن كۆكسىگە چىققاندا، قىز بىر ئەندىكىپ باش چۆكۈردى، بىردەمدىلا تۈندىكى ئەندىكىش تۈگەپ، سوغۇق سۇغا كۆنۈپ قالدى، كەينى كەينىدىن باش چۆكۈرۈپ پىلتەك ئېتىپ ئۈزدى.
— سوغۇقمىكەن ئايچىچەك؟ — دەپ توۋلىدى قۇماربىكە دەريانىڭ بويىغا كېلىپ.
— ياق، ئانچە ئەمەس، ئىسسىق تەنگە خوش ياقىدىكەن.
قۇماربىكە مەجنۇنتاللىرى سۇغا چىلىشىپ قالغان سۆگەتنىڭ شېخىغا ئېسىلىپ ئاۋۋال بىر پۇتنى، ئاندىن يەنە بىر پۇتنى سۇغا تىقتى. زوق ئولتۇرۇپ يانپاشلىرى سۇغا چىلاشقاندا ئەندىكىپ كەتتى، بىردەم شۇنداق تۇرۇۋېلىپ، ئاندىن سوزۇلۇپ سۇدا ياتتى دە، پاقىچىلاپ ئۈزۈپ ئويناشقا باشلىدى.
كېنىزەكلەر ئارقا ئارقىدىن سۇغا چۈشۈشتى، بىر بىرىگە سۇ چېچىپ، پاقىچىلاپ ئۈزۈپ، كۈلۈشۈپ، چۇقرىشىپ، شوخلۇق قىلىشتى.
— قويۇق، تامبىلىڭنى پەسكە چۈشۈرە، غۇنچە پورىكىنى كۆرۈپ باقاي، تىكىنى بارمىكەن، — دېدى ئايچىچەك بوتا
كۆزلىرىنى ئوينىتىپ. — ساراڭلىق قىلمىغىنا ئايچىچەك، مەن ئۇ يەرنى كۆرسىتىدىغان سەن ئەمەس، — كۈلۈپ باش چايقىدى قويۇق. ئۇ ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن سېمىزرەك بولغاچقا يانپىشىمۇ چوڭ، كۆكسىمۇ يوغاندى. قوللىرى بىلەن تومپىيىپ تۇرغان ئالدىنى تۇتۇۋالدى، — ساڭا كۆرسىتىپ قويمىسام ئېسىلىۋالارسەنمىكىن. — ۋاي ئانامەي، ساڭا ئېسىلىپ نېمە تاپارمەن؟ يا ساقال - بۇرۇتلۇق يىگىت بولمىساڭ. ھەممىلەن بۇنى چاۋاكلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. قۇماربىكە كۈلكىسىنى توختىتالماي، تېلىقىپ ئۆپكىسىگە ئۆچۈپ كەتتى. چاچراپ چىققان تامچىلار خۇددى مەرۋايىتتەك كېنىزەكلىرنىڭ ئۈستىبېشىغا تۆكۈلدى. ئايچىچەك ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇۋەردى، يەنە قاقاھلاپ كۈلۈپ: — كۆرىمىز، تامبىلىڭنى سال، — دەپ تۇرۇۋالدى. — كۆرەي دېسەڭلار، بۇ نەرسە ھەممىڭلاردا بار، مانا، — قويۇق تېقىملىرىغا چاپلىشىپ تۇرغان ھۆل تامبىلىنى سىلىۋەتتى، — كۆرۈڭلار! — ۋاي ئويالمايدىغان داپشاق، — دېدى قۇماربىكە قوللىرى بىلەن كۆرسىتىپ، — يوپراق - تىكەنلىرى ئاز ئەمەس ئىكەن، ئوت بېسىپ كېتىپتۇ، ھا - ھا - ھا … كېنىزەكلىرى قويۇقنى چۆرىدەپ تۇرۇپ سۇ چېچىپ ئۇنى باش كۆتۈرگۈزمىدى. — خانىش ئالىيلىرى، چاپارمەن كەلدى! — قىرغاقتا تۇرۇپ توۋلىدى گۈلەم. قۇماربىكە ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئايچىچەكنىڭمۇ تامبىلىنى سالدۇرۇپ، قاقاھلاپ كۈلۈپ ھە دەپ سۇ چېچىشىۋاتاتتى. گۈلەم پەسكە چۈشۈپ چاپارمەن كەلگەنلىنى ئېيتتى.
گۆلەمنىڭ جىددىيلەشكەن قىياپىتىنى كۆرگەن ئالتۇن تارىم: — نېمە دېدىڭ؟ ئۈنلۈكرەك ئېيتىقەن، — دېدى. — ئوردىدا چاپارمەننى ئالىيلىرىغا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەپتۇ. — نېمە خەۋەر ئىكەن؟ — ئالتۇن تارىمنىڭ ئۆزىگە ئېيتىمەن، دەپ دېگىلى ئۇنىمىدى، خانىش. — نېمە، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقامدىكەنمەن؟ پوق يەپتۇ. نېمە خەۋەر ئىكەنلىكىنى سەن ئۇقۇپ ئالدىمغا كەل. ئۇ ئەبلەخنىڭ بىر قولىنى كېسىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويمىسام ئۆلەي! — خۇپ، ئالىيلىرى، — گۆلەم كەينىگە ياندى. قۇماربىكە «نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلگەندۇ، شۇم خەۋەر بولمىسۇن يەنە، ئادەمنىڭ ئارامىنى بۇزۇۋەتتى» دەپ ئويلاپ بىتاقەت بولدى. — بۇ چاغقىچە يۇغرۇش، ھاجىپلارمۇ ماڭا يۈزتۇرا تۇرۇپ گەپ قىلىپ باققىنى يوق. نېمىنداق بېشى چوك نېمىدۇ ئۇ؟ ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام، — سەھرائى ئۆرلۈكەن قۇماربىكە كېنىزەكلىرى بىلەن سۇدىن چىقتى. سۆگەكنىڭ مەجنۇنتاللىرى ئاستىدا ئايچىچەك سۇنۇپ بەرگەن كىيىملىرىنى كىيدى، يۈزىگە نىقابنى تارتتى. ئۇ قۇرغاق تۇپراققا قەدەم قويغاندا، گۆلەمگە گەپ قىلىۋاتقان چاپارمەننى كۆردى. — ئايچىچەك، ئۇنى ئېلىپ كەل، — دېدى قۇماربىكە قولىغا قىلىچنى ئېلىپ. ئايچىچەك خانىشقا بىرنېمە دېمەكچى بولدى — يوق، ئەلپازىغا قاراپ: — خۇپ، ئالىيلىرى، — دېدى — دە، يۈگۈرۈپ چاپارمەننىڭ يېنىغا باردى. — خانىش سىزنى چاقىرىدۇ. ئېگىز بوي، تەمبەل كەلگەن ئوردا چاپارمىنى كۆز تىكىپ
تۇرغان قۇماربەككە ناھايىتى ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلدى. — خانىش، ئۆزلىرىگە خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدىم. — قايسى قەبىلىدىن سەن؟ — چىڭگىل قەبىلىسىدىن. — ئېتىڭ نېمە؟ — قىيات. — خەۋەرنى كىمنىڭكىمگە ئېيتتىڭمۇ؟ — ئېيتتىم، ئالىيلىرى. — سېنى كىم ئەۋەتتى؟ — نائىب ئېلىكخان ئىناچۇق تېگىن. — ئۇنداق بولسا، ئالدىڭنى ئۇ تەرەپكە قىلىپ تىزلان. ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەن قىيات تۇرۇپ قالدى. قۇماربەككە ئاچچىقلاندى: — گېپىمنى چۈشەنمىدىڭمۇ، تىزلان! يىگىت ھەيران بولغان ھالدا كەينىنى قىلىپ تىزلاندى. قۇماربەككە يارقراپ تۇرغان قىلىچىنىڭ ئۇچى بىلەن شارتتىدە ئۇنىڭ قۇلىقىنى كېسىۋەتتى. — ۋاي! … — دەپ زارلانغان چاپارمان بىر قولى بىلەن قان سىرغىۋاتقان قۇلاق تۈۋىنى بېسىپ ئورنىدىن تۇردى، — بۇ نېمە گۇناھىم ئۈچۈن؟ ئېيتىسلا خانىش، ئېلىپ كەلگىنىم شۇم خەۋەر ئەمەسقۇ. — نېمىدەپ مېنى ئالدىڭغا كەلتۈرمەكچى بولسەن، نېمىشقا تىزلانمايسەن؟ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خانىشى ئىكەنلىكىمنى بىلمەمىتىڭ يا؟ — قۇماربەككە غەزەپ بىلەن سورىدى. — بىلەتتىم ئالىيلىرى، خوش خەۋەر ئېلىپ كەلگىنىم ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بىۋاستە ئېيتىپ سۆيۈنچە ئالماقچىدىم. ئەجەب قان چىقىپ كېتىۋاتىدۇيا … — قىيات قان بولۇپ كەتكەن يەلكە، يەڭلىرىگە قاراپ سۆزىنى توختاتتى. — ھە، خوش خەۋىرىڭنى ئېيت!
— بۇغرا قاراخان بىلەن مۇھەممەد ئارسلانخان قۇزئوردۇغا كېلىپتۇپتۇ.
— نېمە؟! ئېرىم بىلەن كېلىۋاتقان بۇغرا قاراخان كىم ئىكەن؟ — قاشلىرىنى ئۆچۈرۈپ سورىدى قۇماربېكە.
— سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى ئىكەن، — چاپارمەن توختىماي ئېقىۋاتقان قاننى يېڭلىرى بىلەن ئېرتتى.
— سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى؟ — قۇماربېكىنىڭ گۈزەل چىرايى تاتاردى، كۆك كۆزلىرىدىن ئۇچقۇندىغان كۆكۈچ نۇر ئۇنى سۈرلۈك قىلىۋەتتى. كېنىزەكلەرنىڭ باياقى خۇشلۇقىدىن ئەسەر قالمىدى.
— ھە، مۇنداق دېگەن. ئەدەپسىزلىك قىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر قولۇڭنى كېسىپ تاشلىدىم، ھايات قالدۇرغىنىم ساڭا بېرىلگەن سۆيۈنچە. ماڭ، دەرھال ئوردىغا قايت!
ئازار يېگەن، خورلانغان چاپارمەن توپقا مىلەنگەن قۇلاقنى ئېلىپ، ياغلىققا ئوراپ يانچۇقىغا سالدى. ئېتنىڭ تىزگىنىدىن يېتىلەپ، كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقان كېنىزەك توقۇشنىڭ يېنىغا باردى. گەپمۇ قىلماي، يالقۇنجىغان چوغ ئۈستىدە پىژىلداپ پىشىۋاتقان بىر زىخ كاۋاپنى ئالدى — دە، قان چىقىپ تۇرغان يەرگە باستى …
— ئاتلىنىڭلار! — قۇماربېكە ئېتىغا سەكرەپ مىنىپ قامچا ئۆردى. قورقۇپ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن كېنىزەكلەر كاۋاپنىمۇ يېيەلمەي، ئاچ قورساق ھالدا خانىشنىڭ كەينىدىن ئاتلىرىنى دۇپىتىپ ماڭدى. زاۋال ۋاقتىدا «قۇۋۇقى قۇت» تىن كىرىپ ئوردىغا بېرىشتى.
4
بالاساغۇنغا يېقىنلاشقانسېرى يۈسۈپنىڭ سەزگۈلىرى جىددىيلىشىپ، ئىنتىزارلىقى كۈچەيدى. بۇنداق بەتاقەتلىك،
سېغىنىش ئانا يۇرتقا بولغان مۇھەببەتنىڭ ئىختىيارسىز قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭغا چاڭ توشۇتۇپ كېتىۋاتقان ئاتلار ئاستا مېڭىۋاتقاندەك، يول ئاۋۇمايۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، پات-پات ئېتىنىڭ تىزگىنىنى سىلكىپ، قامچىسىنى ئىشلىتىپ قوياتتى.
قۇياش غەربكە قىيسىيىپ، سايە ئۆزىرىشقا باشلىغاندا، ئالدىدا كېتىۋاتقانلار ئاستىلاپ، يۈسۈپ مىنگەن قىزىل تورۇق «بۇ نېمە ئىش؟» دېگەندەك پۇشقۇرۇپ قويدى. ئۇلار قارىشى ئېلىشقا چىققان بالاساغۇن ئەھلىگە يېقىنلاپ قالغانىدى.
بۇغرا - كاناي، ناغرا - سۇنايلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى، ئەمما مىڭلىغان ئادەملەر بىرلىكتە ئېيتىۋاتقان تەكبىر ساداسى گۈلدۈرلىمەستەك يەر - زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، زىلزىلىگە كەلگەن قەلب سارايلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنىمۇ ئېچىۋەتتى. بۇ ئاۋامنىڭ مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ۋاپاتىغا بولغان ھەسرەت - نادامىتى ۋە قازاغا رىزالىقىنى بىلدۈرىدىغان ئىلتجاسى، يېڭى بۇغرا قاراخانغا بولغان بەيئەت، ساداقەتنىڭ نامايان قىلىنىشى ئىدى.
يۈسۈپ بويۇنداپ قاراپ، سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد ئارسلانخان ۋە ئاتىسىنىڭ ئاتتىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ يەرگە ئاياغ باستى.
ئالتۇن گۈرزە كۆتۈرگەن توقسان توققۇز ھۆرمەت قارائۇلى ۋە توققۇز تۇغنى كۆتۈرگەن تۇغچىلار كەينىدىن قەدەم باسقان سۇلايمان ئارسلانخان ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن نائىب ئېلىكخان ئىنائەتچۇق تېكىن، شەيخۇلىسلام بەگتاش ئابدۇللا داموللا، ھەرەمبېگى بەگتۇتۇق، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل، سۇبېشى، ۋەزىر، ھاجىپ قاتارلىق ئەمىر - ئەركانلار ۋە بەگتۈمۈر، ئاشان بۇقا باشلىق بالاساغۇن ئەھلىنىڭ چۆللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قوزغوردۇلۇق قېرىنداشلىرىم! يېڭى بۇغرا قاراخان بولۇپ، ئالدىڭلارغا خۇش خەۋەر بىلەن
كېلەلمىدىم. مەلىكۇل مەشرىق بۇغرا قاراخان ئاتام قۇزغۇردۇلۇق قېرىنداشلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما، ئەجەل يېتىپ، ھەربىرىڭلار بىلەن قايتا دىدار كۆرۈشەلمىدى. ئەلەيھىدى بولۇش سۆھبىتىم بىلەن ئۇنىڭ تەختىدە كاشغەردە ئەمەس، بالاساغۇندا ئولتۇرۇش ئىرادىسىگە كەلدىمكى، بۇ شەھەر مەملىكىتىمىز زېمىنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا. قەيەردە قانداق ئىش يۈز بەردى، قانداق يېڭىلىقلار پەيدا بولدى؟ ۋاقتىدا خەۋەر تاپالايمەن، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەربنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يېڭى ئارسلانخاننىڭ باشقۇرۇشىدا ئېلىمىز قۇدرەت تاپقۇسى … — بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخانغا ئامانلىق تىلەيمىز! — سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ قۇزغۇردۇدا تەختكە ئولتۇرۇشىنى بەجاندىل قارشى ئالىمىز! ئاۋامنىڭ ساداسى بېسىلماي تۇرۇپ، ئالتۇن توش ئورنىتىلغان بۇغرا تۆگە ئۇنىڭ ئالدىدا چۆكتۈرۈلدى. بۇغرا تۆگىگە مىنگەن سۇلايمان ئارسلانخان ئاق پايانداز ئۈستىدە يۈرۈپ كەتتى. باشتىن — ئاياغ قارا پۈركەنجىگە ئورالغان قۇماربېكە ۋە تۆت ياشلىق ئوغلى ئىبراھىم تېكىن بىلەن كۆرۈشكەن مۇھەممەد ئارسلانخان بۇ كىچىك ئوغلىنى كۆتۈرۈپ بۇغرا تۆگىنىڭ ئالدىغا ئالدى. چوك ئوغلى ھۈسەيىن تېكىن ئانىسى ۋە باشقا خانىشلار بىلەن چوققۇر تەزىم قىلغان كىچىك خانىش قۇماربېكىنى كۆرمىگەنگە سېلىپ، بۇغرا تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتقان ھالدا ئاتىسىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. رەيھاندىنمۇ سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەكلىپى بىلەن بۇغرا تۆگىگە مىنگەنىدى. ئىچى ئاداپ كەتكەن دوقاقبەگ «كۆردۈڭمۇ؟» دېگەندەك قىلىپ، قۇماربېكىنىڭ يېنىدا ئاغۋاتلار قاتارىدا تۇرغان بوزاغۇغا ئىشارەت قىلىپ قويۇپ لەۋلىرىنى چىشلىدى. سۇلايمان ئارسلانخان بىر قانچە يەردە توختاپ، ئاۋام سۇنغان
ئۇسسۇزلۇق — دوغ، جۇلاپتىن ئۆتتى، گىردە، شىرمەننانلارغا ئېغىز تەگدى. شاگىرتلىرى بىلەن چىققان ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغوپۇر مەخدۇم سۇنغان شەربەتنى ئىچىپ، ئونىڭدىن تىنچلىق — ئامانلىق سورىدى، مۇھەممەد ئارسلانخان ئۆزىگە سۇنغان شەربەتكە كۆز قىرىنىمۇ سالمىدى. ئۇ ئىبراھىم تېگىننى بېلىدىن قاماللاپ ئولتۇراتتى، ئۆزىنىڭ تالاسقا بارىدىغان بولغىنىدىن خاپا ئىدى. ھۈسەيىن تېگىن ئاتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن خاپا بولغىنىنى بىلگەچكە، ئۈن چىقماي ئونىڭغا سوغدىشىپ ماڭدى. ئونىڭمۇ ئاتىسىنىڭ قارلۇق خوتۇندىن بولغان ئوغلىغا شۇنچە مېھرىبانلىق قىلغىنىغا ئاچچىقى كېلىپ قالغانىدى.
رەيھاندىن يابرا ھەم قىزلىرى تۇرغان يەرگە كەلگەندە، ئاتىسى بەگتۆمۈر، ئانىسى زەمۇران ئاغىچىنىڭمۇ چىققانلىقىنى كۆرۈپ تۆگىدىن چۈشتى. ھەممىيلەننىڭ قولىدىن ئۇسسۇزلۇق ئۆتتى. ئاتا — ئانىسىنىڭ ئىسسىق باغرىنىڭ ئوتلۇق تەپتى ۋۇجۇدىغا تارىغاندا، بالىلىق مېھرى كۆزلىرىدىن تېشىپ چىقتى. كۆيۈمچانلىرى ئۆدمىش، بويانقار، ئادار، يارۇقلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئاشانبۇقا بىلەن ئەھۋال سوراشتى. قىزىل تورۇقنى يېتىلىگىنىچە ئاتىسىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن يۈسۈپ بوۋا — مومىسىنىڭ باغرىدىن چىقىپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا تاشلاندى. ئۇ توغقانلارغا تېگىشمەي قالدى.
يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن بىللە كېلىپ، ئۇستازى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم، ساۋاقداشلىرى ئەربۇقا، ھوشۇر بىلەن قىزغىن قۇچاقلاشتى، ئەھۋال سوراشتى. يۈسۈپنىڭ يۈرىكى تىپچىلەپ، يۈز — بويۇنلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ بىر مۇنچە قىزلار بىلەن قەشقەردىن بۇغرا قاراخانغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن سىپاھلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىۋاتقان ئاقبىرانى كۆردى. ئونىڭ يۈزىدە چۈمبەل بار ئىدى. قولىغا تور پەلەي سېلىپ، سەمەرقەنتنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئۆتۈكىنى كىيگەنىدى. يۈسۈپ تەلمۈرۈپ قاراپ،
ئاقىبراننىڭ بويى - بەستىدىن باشقا ھېچ يەرنى كۆرەلمىدى.
- سالامەت كەلدىڭىزمۇ يۈسۈپ؟ چارچىغانلا، ئوتسۇزلۇق ئۆچۈسلا، - دېدى قىز سەل ئېگىلگەن پېتى كۈمۈش جامنى سۇنۇپ. ئاقىبراننىڭ بوش، ئەمما سېھىرلىك ئۈنى يۈسۈپنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىۋەتتى.
- رەھمەت، - يۈسۈپ جامنى ئالدى، - ئامان - ئېسەن تۇردىڭىزمۇ، قوشنىچىم ئاپام، ئۇرۇق - تۇغقانلار تىنچلىقمۇ؟
- ئاپام ئوبدان تۇردى، ھەر كۈنى كەچتە گەپلىرىنى قىلىدۇ، - ئاقىبران سۆزلەۋاتقاندا، چوغ رەڭگە كىرگەن يۈزى بىردىن ئوت ئېلىپ كەتتى.
- ئەتە بېرىپ، ئوردىكەندىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى ئالدىڭلاردا قويۇپ، ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېلىمەن. ھازىر مەن ماڭاي، خوش ئاقىبران. يۈسۈپ كەينىگە قاراپ - قاراپ ماڭدى.
- خوش! - ئاقىبراننىڭ كۆزلىرىگە توشقان ياش مەڭزىگە سىرغىدى … شۇ تاپتا قەسىرگە كىرگەن قۇماربىكە خاس ھۇجرىنى بېزەپ سەرەمجانلاشتۇرۇشنى ئاغۋات، كېنىزەكلىرىگە بۇيرۇپ، پەردەز ئۆيىدە چاچلىرىنى تاراتقىلى ئولتۇردى. ئايچىچەك، قويۇق ئۇنىڭ چاچلىرىنى تاراڭ كېيىنىشىگە ياردەملەشتى.
- بولدى، چىقىپ كېتىڭلار! - قۇماربىكە ئورنىدىن تۇرۇپ بۆلۈچىدىكى تاش ئەينەك ئالدىغا كەلدى. كېنىزەكلەر چىقىپ كېتىشىگە، ئاغۋاتلاردەك يوللۇق شايىدىن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان بوزاغۇ ھىجايغىنىچە كىرىپ تۆردە ئولتۇرۇپ ئولتۇردى.
- سىڭلىم، ئېرىڭ مۇھەممەد ئارسلانخانغا ئوتسۇزلۇق بەردىڭىزمۇ؟
- ئاكا، مېنىڭ ئۆيۈمگە بۇنداق ئوسۇپ كىرىپ، ئاغزىڭغا كەلگەننى دەۋەرمە، بولامدۇ؟ - ئارقىسىغا ئۆرۈلگەن قۇماربىكە
ئاچچىقلانغان تەرزدە بوزاغۇغا ئالايىدى.
— ھە! مەن سېنىڭ ئالتۇن تارىم ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپتىمەن، خۇددى ئاكا ئىكەنلىكىمنى سەن ئېسىڭدىن چىقىرىۋەتكەندەك، — بوزاغۇ مۇھەممەد ئارسلانخان يۆلىنىدىغان شاھانە ياستۇققا جەينىكىنى تىرەپ، قوي كۆزلىرىنى ئۆزىنى ياساۋاتقان سىڭلىسىغا تىكىپ، سەيدام ئېگىزلىكىنى ئالقىنىغا ئالدى.
— ئاكا، ئادەمنى نېمىشقا بۇنداق زاغلىق قىلىسەن؟ باشقىلارنى گۇمانلاندۇرۇپ قويساڭ، ئۆزۈڭگىمۇ، مېنىڭمۇ بېشىمىزغا چىقىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ — قۇماربېكە ئەينەك ئالدىدىن قوپۇپ، بوزاغۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. قارا قاشلىرى قوشۇلغان قوشۇمىسىدا بىر تۈرۈلۈش پەيدا بولۇپ، چىرايى سۈرۈن تۇس ئالغان بولسىمۇ، ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدى. پەردام قىلغان يۈزى قاشتېشىدەك پارقىراپ كەتكەنىدى. ئۇ قولىنى ئاكىسىنىڭ تىزىغا قويدى، — سەن مېنىڭ تاغدەك يۆلەنچۈكۈم، سەن بولغاچقىلا كۆڭلۈم توق، يۈرىكىم پۈتۈن. بىراق، ئاكا، بىز قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئۆزۈڭنى ئوبدان نىقاپلاپ، ئاغۋاتلىقىڭنى قىلچە چاندۇرۇپ قويما. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ كەلگىنىنى كۆردۇق. ھازىر ئاكىسى بولمىش بۇغرا قاراخان ھۇزۇرىدا تاماقتىنۋاتسا كېرەك، توساتتىن كېلىپ قېلىشى مۇمكىن …
— ئالتۇن تارىم ئالىيلىرى، چىقىپ كەت دېمەكچىمۇ سىلى؟ — بوزاغۇنىڭ چېھرىدە مەسخىرە كۈلكىسى پەيدا بولدى.
— ھەئە. دەرھال چىقىپ كەتكىن، ئاكا. ئەتە ساڭا ئېرىم بىلەن قىلىشقان گەپ — سۆزلەرنى يەتكۈزىمەن، قانداق قىلىشىمىز توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىمىز، — قۇماربېكە ئاكىسىنىڭ مازاق قىلىۋاتقىنىنى بىلمىگەنگە سېلىپ ئەنسىز نەزىرى بىلەن يېلىنىپ قارىدى.
بوزاغۇنىڭ چىرايى تۇتۇلدى.
— مەن قاچانغىچە بۇنداق يا ئايال، يا ئەر ئەمەس، ئاغۋات بولۇپ يۈرىمەن، سىڭلىم؟ چىدىيالماي قالدىم. — چىدىمىسەڭ جاندىن ئايرىلىپ قالىسەن، ئاكا، — قۇماربېكەنىڭ كۆك كۆزلىرىدىن يېشىل ئۇچقۇن چاقنىدى، ئەگىم قاشلىرىنى سەل كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى، — ئاكا، سەن ھەقىقىي ئەركەك، ئايالنى سېغىنسەن، بۇ ماڭا مەلۇم. لېكىن، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالمىساڭ ئاشكارىلىنىپ قالىسەن. ئاڭلىسام، بەزى قىپچىقى بار كېنىزەكلەر بىلەن ئېچ پېش تارتىپ يۈرۈپسەن، بۇ ئىشلار بىلىنىپ قالسا تۈگىشىمىدۇق؟ ئاتامنىڭ قىساسىنى ئالالمايلا قالماستىن، ئۆزۈمىزنىمۇ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەمدۇق؟! سەن چىداپ سەۋر قىلىپ تۇر، تالاسقا بارغاندىن كېيىن، ئاشكارا يۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىمەن. ئۇ چاغدا خالىغىنىڭنى قىلالايسەن. بوزاغۇ ئورنىدىن دەس قوپتى. — مەن قىساس ئالماي قويمايمەن، سىڭلىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە مەھرۇمىيەتتىن، ھەتتا نازىنىن پەرىلەردىن كېچىشكە رازىمەن، — بوزاغۇ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ شىلتەپ قويدى دە، چىقىپ كەتتى. «بىچارە ئاكام، تازا دۆلەت كۆرۈدىغان چاغدا ئاتام بالا — قازاغا ئۇچراپ بەختسىز بولۇپ قالدى. تالاسقا بارغاندا ئۇنى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە قىلىمەن…» — خاس ھۇجرا تەييار بولدى، خانىش، — دېدى ئايچىچەك كىرىپ، — يەنە قانداق ئىش بار؟ بۇيرۇسلا، بەجا كەلتۈرۈشكە تەييارمىز. خىيالى بۆلۈنگەن قۇماربېكە شاھانە ياستۇقنى تۈزەپ قويۇپ دېدى: — ئاشپۇ باشقا چىقىپ ئېيتىقن، يېگەنلەرى ئادەمنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىسۇن! ئەگەر ئېرىم يېمەي قايتۇرۇۋېتىدىغان بولسا، ئاشپى باشنىڭ
تاماق راسلىغان قوللىرىنى كېسىپ تاشلايمەن. — باش ئۈستىگە، خانىش ئالىيلىرى، — ئايچىچەك چىقىپ كېتىپ، ھايال ئۆتمەي قايتىپ كىردى، — ئالتۇن تارىم، مۇھەممەد ئارسلانخان ئالىيلىرى ھەرەمگە قەدەم تەشرىپ قىپتۇ، قەسىرگە كېلىۋاتقۇدەك. — چىقىپ چىراقچى دېدەكلەرگە تاپشۇر، بارلىق خانىلارنىڭ شام — چىراغلىرى ياندۇرۇلسۇن، كېنىزەكلەر كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىشقا تەييارلانسۇن! — باش ئۈستىگە، خانىش ئالىيلىرى، — ئايچىچەك تېز چىقىپ كەتتى. قۇماربىكە ئەينەككە يەنە بىر قارىۋېلىپ قەسىر ھويلىسىغا چىققاندا، مۇھەممەد ئارسلانخان ئىشىكتىن كىرىپ بولغانىدى. — ئەسسالام ئارسلانخانىم، قۇتلۇق قەدەملىرى قەسىرىمگە شادلىق ئاتا قىلغاي، — يەرگىچە ئېگىلدى قۇماربىكە، — ئۆزۈل قەسىرىمگە كېلەر مىكىن دەپ، ئىشىك ئالدىدا ئۇزاق كۈتۈپ تاقىتىم تاق بولدى. ئاكىلىرىمنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى بىلىپ، خاس ھۇجرىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ ئالدىلىرىغا چىقالمىغانىدىم، كەچۈرگەيلا، — خانىشنىڭ يېشىل ئۇچقۇن چاقناپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرى لەۋھەن چېھرىنى ئاپتاپتەك نۇرلاندۇرۇۋەتتى. شەھۋانىي ھەۋىسى كۈچلۈك ئادەملەر گۈزەل خوتۇن — قىزلار ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ. نارازىلىق، ئاچچىقلىنىش سورۇنلاشتۇرۇۋاتقان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ سوغۇق چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولدى. ئۇ تۈتۈنلۈك ئۆسكەن قاپقارا ساقىلىنى سىيپاپ قويۇپ بىرنېمە دېمەكچى بولدى — يوق، ئۈن چىقماي خاس ھۇجرىغا قاراپ ماڭدى. باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى مالال قىلغان ئىش توغرۇلۇق سۆزلەشنى ئۇ قاندامۇ خالىسۇن؟! قۇماربىكە ئۆزىگە ئەگەشكەن كېنىزەكلەرنى «تۇرۇپ
تۇرۇڭلار» دېگەن مەقسەتتە قولىنى سىلاپ قويۇپ، ئېرىنىڭ كەينىدىن گۈپۈلدەپ ئەنبەر پۇرىقى كېلىپ تۇرغان خاس ھۇجرىغا كىردى. ياندۇرۇلغان يەتتە قەندىلدىكى شام يورۇقىدا نۇرلانغان ئۆينىڭ ئىچى شۇنچە ئارامبەخش ئىدى. ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ يەلكىسىگە زەر قىياق تۇتۇلغان تونىنى سالدۇرۇپ، خەنجىرىنى كەمىرى بىلەن بىللە ئېلىپ، ناۋات سۈيىدە پات بېرىپ جۇلالىنىۋاتقان تامدكى ئاسقۇچقا ئاستى. ئاق سەللە ئورالغان تاجىنى قاپارتما نەقىش چېكىلگەن كۆڭگۈرلۈك ئويۇققا قويدى. ئېرى تۆردە سېلىنغان ئۈچ قات كىمخاب كۆرپىدە قىڭغىيىپ، مامۇق ياستۇققا يۆلەنگەندىن كېيىن، ئايىغىدا زوڭزىيىپ، ۋالىلداپ تۇرغان ئۆتۈكىنى سالدۇردى. بۇ لەۋەن خوتۇننى ھەرقاچان كۆرسە گەپدان بولۇپ كېتىدىغان مۇھەممەد ئارسلانخان زۇۋان سۈرمەي جىمجىتلا ياتتى.
ئۆي ناھايىتى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى. لىققىدە كەلگەن ئىران گىلىمى ئوتقاشتەك چاقناپ تۇراتتى. ئويما نەقىش چېكىلگەن كۆركەم ياملارغا ئېلىنغان تاجمىگۈل، ئانارگۈل، رەيھانگۈللەر قوش راملىق دېرىزە تەكچىلىرىگە قويۇلغانىدى. ھاۋا رەڭ يۇللۇق ئاق يىپەك پەردىلەرنىڭ زەر چاچاقلىرى مەيىن يەلپۈنۈپ، كىشىنى ئازادىلىك ھېس قىلدۇراتتى. تورۇس، ناۋاغا سىزىلغان يايلاق، تاغ - دەريالارنىڭ سۈرەتلىرى شاملارنىڭ يورۇقىدا خىيالىي دۇنيادەك سېھىرلىك كۆرۈنەتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ھېچ ياققا كۆز قىرىنى سالماي، خامۇش ھالدا كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغانىدى. قۇماربىكەمۇ ئۈن چىقماي، ئۆنىڭ مەخمەل كەمزۇلىنى سالدۇرۇپ ئۇچىسىنى تۇتۇشقا كىرىشتى.
- ئارسلانخانىم، مەيۈس كۆرۈنىسىزغۇ، يا مەندىن خاپا بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - سورىدى قول - مۈرىلىرىنىڭ ئۆگە - ئۆگىلىرىنى ئۇۋۇلاپ سىلاپ.
مۇھەممەد ئارسلانخان بىردىنلا رۇسلىنىپ ئولتۇردى: — مەن سىزدىن خاپا ئەمەسمەن بىكەم، قۇزئوردىدىن تالاسقا كېتەر بولغىنىمدىن خاپىمەن. ئاكامنىڭ قەدرىمگە يەتمىگەنلىكىدىن خاپىمەن. — مۇنداق دېمەڭ، ئارسلانخانىم. ئۇلۇغ مەلىكۇل مەشرىق ئاتام، خۇدا جايىنى جەننەتتە قىلسۇن، تالىپ مىجەز ئاكىلىرىنى ئۆلۈمھەدى قىلماي، جەڭ قەھرىمانى بولغان سىلىدەك ئالىپ سەرگەردىنى ئۆلۈمھەدى قىلىشى لازىم ئىدى. مانا، ئاكىلىرى سۇلايمان ئارسلانخان تەختتە ئولتۇرۇپلا سىلىنى تالاسقا ھەيدەپ، ئۆزى قۇزئوردىغا كېلىۋالدى. ئوردىكەنتتە تۇرسىلىمۇ مەيلى ئىدى، — خانىش ئۇنىڭ كۆڭۈل يارىسىغا تۇز سەپتى. — توغرا دەيدىكەن، قەدىرلىكىم، — مۇھەممەد ئارسلانخان چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى، — ئاكامنىڭ كۆڭلىدە جىن بار. ئۇ مېنى چۈشەنمەيدۇ، مېنى كۆزىگە قادالغان مىخ، دەپ بىلىدۇ. سىز بۇنى چۈشىنىپسىز، مەيۈس كۆڭلۈمنى سىزلا مەمنۇن قىلالايسىز، — ئۇ سۆزدىن توختاپ خانىشنىڭ كۆكسىگە يېپىلىپ تۇرغان چاچلىرىنى سىلاپ بېگىز بارمىقىنى پېشانىسىگە تەگكۈزدى، — سىز دېگەندەك، مەن قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش، كۈچ - قۇدرىتىنى ئاشۇرۇشتا جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويۇپ قان كېچىپ جەڭ قىلغان، باھادىرلىق كۆرسەتكەنىدىم. ھالبۇكى، ئاتام ئۆلۈمھەدى تاللاشتا خاتالاشتى. دائىم دېگۈدەك ئۆزىنىڭ يېنىدا بولغان تالىپ مىجەز ئاكامنى ئۆلۈمھەدى قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئاكام مېنى ئوردىكەنتتىمۇ تۇرغۇزمايدىغان بولدى. ئىناۋىتىمنى چۈشۈرۈپ، ئابرۇيۇمنى تۆكتى. بۇنىڭ ئۈچۈن خاپا بولماي، داپ چالايمۇ، بىكەم؟ قۇماربىكە ئېرىنىڭ پېشانىسىگە تىرەكلىك قولىنى ئۈستىدىن سىلاپ غەمزە قىلدى. — ياق، ئۇنداق بولامدىغان، ئالىيلىرىنىڭ مېھرىمۇ،
قەھرىمۇ ئەل ئۈچۈن قىممەتلىك. قەھرى يوق پادىشاھ — مۆڭگۈزى يوق قوچقارغا، زەھرى يوق يىلانغا ئوخشايدۇ. ئالىيلىرىنىڭ ھەرقانداق دۈشمەننى يەكسان قىلغۇدەك قەھرلىرى بولغاچقا، جاھان شاھلىرى ئىچىدە ئۆزلىرىدەك مەردانە، باھادىر، جۈرئەتلىك خان ئاز. تالاسقا بېرىشلىرى بەلكىم خەيرلىك، ھېكمەتلىك بولۇشى مۇمكىن. كاج پەلەكنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا سىلىگە ئاتا قىلىدىغان يەنە قانداق كاتتا ئېنئاملىرى بار، بۇ ئاللاھقا مەلۇم. ئالىيلىرىدەك شىر سۈپەت باھادىرغا قىلىچنى غىلاپقا سېلىپ قويۇپ قايغۇرۇش، ئۈمىدسىزلىك ھەرگىز ياراشمايدۇ، بەلكى خۇشال بولۇش، تەختتە مەغرۇر ئولتۇرۇش، ئات ئۈستىدە غالىبانە قىلىچ ئوينىتىش يارىشىدۇ. مەيۈسلەنمىسە ئارسلانىم، — قۇماربىكە ئېرىنىڭ تۆكلۈك مۈرىسىنى سىلاپ، ساقاللىق مەڭزىگە مەڭزىنى ياقتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئامراق خوتۇنىنىڭ بۇ شېرىن سۆزلىرىدىن تەسەللى تېپىپ سۆيۈندى. ئۇ خانىشنىڭ بىر تۇتام كېلىدىغان بېلىدىن قاماللاپ ئۆزىگە تارتتى — ياق، قۇچاقلىماي يېقىن ئولتۇرغۇزدى.
— مەن قايغۇنى، ئۈمىدسىزلىكنى يامان كۆرىمەن. ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۆزۈم بىلمىگەن ھالدا ھەسرتلىنىدىغان، كەلگۈسۈمدىن ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بىكەم.
قۇماربىكە ئۇنىڭ يەلكىسىگە ئېسىلىپ پىچىرلىدى:
— ئالىيلىرىدەك غەيۇر شاھقا ئەندىشە قىلىش تېخىمۇ ياراشمايدۇ. چىدام، غەيرەت كەمەرىنى مەھكەم باغلاپ، ھەرقانداق دۈشمەنگە، مەيلى ئۇ يات ياكى ئۆز بولسۇن، تاقابىل تۇرۇپ قازانغان نۇسرەت شان — شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. كۆڭۈللىرىنى توق تۇتقايلا، ئارسلانىم.
مۇھەممەد ئارسلانخان قاقاھلاپ كۈلۈپ خوتۇنىنىڭ گۈل پورىغۇدەك لەۋلىرىگە سۆيدى. نازلىنىپ تولغانغان قۇماربىكە
خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى ئوينىتىپ دېدى: — ئارسلانىم، بۇنداق شېرىن دىدار سائىتىدە، جاھان غەملىرىدىن ئۆزلىرىنى يىراق قىلغايلا، يا مەن كۆڭۈللىرىنى ئالالمىدىممۇ؟ — ھە، بۇ گېپىڭىز بولدى، پەلەك چاقىنىڭ بۇ ئايلىنىشىدىن ئازار يېگەن كۆڭلۈمنى سىز قانداق خۇشال قىلماقچىسىز، بىكەم؟ — مانا مۇنداق، — قۇماربىكە لىقىلداپ تۇرغان كۆكسىنى ئېرىنىڭ مەيدىسىگە ياقتى، — ھاردىلا، چارچىدىلا ئارسلانىم، ھاردۇق چېيى، ھاردۇق ئېشى تەييارلىتىپ قويدۇم، ئاۋۋال داستىخانغا داخىل بولغايلا. بوش تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ ئەمەسمۇ؟ — سۆزىنىڭ ئاخىرىنى مەنىلىك چۈشۈرگەن خانىش ئېرىنىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشىگە سۆيۈنۈپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ بۇنداق سۆيۈنگەن چاغلىرىدا «ئارسلانىم» دەپ ئاتاپ، ئۇنى خۇش قىلىۋېتەتتى. — بايا، بۇغرا قاراخان ئاكام سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ «بەگ تەرىكىسى» دە كۆڭلۈم تارتماي، مەي — شارابلارغىمۇ ئېغىز تەگكۈزمىگەندىم. داستىخىنىڭىزنى كەلتۈرۈڭ. قۇماربىكە كۈمۈش ھالقىلىق ئىشىككە قاراپ: — گۈلەم! — دەپ چاقىردى. — لەببەي، — ھەمىشە ئىشىك ئالدىدا ئىشقا بۇيرۇشنى كۈتۈپ تۇرغان كېنىزەك ئىشىكنى قىيا ئېچىپ سورىدى، — نېمە كېرەك، خانىش ئالىيلىرى؟ — ئاپتۇۋا — چىلاپچىنى كەلتۈرۈڭ. — خۇپ. گۈلەم ئىشىك تۈۋىدە كۈمۈش ئاپتۇۋا — چىلاپچىنى خانىشقا سۇنۇپ بەردى. قۇماربىكە ياتلىق بولغاندىن تارتىپ، ئېرى خاس ھۇجرىغا كىرىپ — چىقىپ كەتكەنگە قەدەر ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىپ،
ئېرىنى تېخىمۇ رام قىلىۋالغانىدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان قۇماربىكە قويۇپ بەرگەن ئىسسىق سودا يۈز - قوللىرىنى يۇيۇپ باداشقان قۇرۇپ ئولتۇردى. داستىخان سېلىنىپ، مەزە - گۆھەرەك قويۇلدى. ئۇ خوشبۇي ھىدلىق ئۆينى قاپلىغان بىر ھېجىر چۆچۈرىنى ئىچىپ، قىرغائۇل، بۆدۈنە كاۋاپلىرىغا قول ئۇزارتتى. ئۇلار، توشقان گۆشى بېسىلغان بىر تەخسە پولونىڭ يېرىمىنى يېدى، ئىككى تىلىم تاۋۇز يەپ، زەپە سېلىپ دەملەنگەن چاينى «كېيىنرەك ئىچەي» دەپ، لىق مەي تولدۇرۇلغان جامنى قولىغا ئالدى.
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ پېشانە - بويۇنلىرىدا مەستلىكتەك تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى.
— ئالىيلىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، كۆڭۈللىرىنى ئېچىش ئۈچۈن كېنىزەكلەرىمگە ناخشا - ئۇسسۇل تەييارلاتقانىدىم. ئارامگاھ سارايغا چىقىپ بىر پەس ھۇزۇرلىنىپ كۆرۈپ باقاملا؟ — دېدى قۇماربىكە ئېرىنىڭ بويۇن - باشلىرىدىكى تەرنى ئېرتىپ.
— كېنىزەكلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلىغا زوقۇم يوق، بىكەم، سىزنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلىڭىزنى كۆرگۈم بار، — مۇھەممەد ئارسلانخان مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن داستىخاننى يىغىشتۇرۇۋاتقان خانىشقا قارىدى.
قۇماربىكە قەندىلدىكى شاملارنى ئۆچۈردى، كۆزنەكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ھىلال ئايمۇ بۇلۇت قېتىغا يوشۇرۇندى.
يىگىرمىنچى باب: چىن مۇھەببەت
1
يۈسۈپنىڭ قەشقەردىن قايتىپ كەلگىنىگە تۆت كۈن بولدى. ئۈست - ئۈستىلەپ ھال سوراپ كەلگەن پەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەندەك قىلاتتى. رەيھاندىن پەتچىلەرنى كۈتۈشنى ئوغلىغا تاپىلاپ، بۈگۈن ئەتىگەنلا ئوردىغا كەتتى. يۈسۈپ چۈشكىچە يولغا قارىغان بولسىمۇ، ئوغراق، قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن باشقا پەتچىلەر كەلمىدى.
يۈسۈپ كۆل بويىدىكى مەجنۇنتاللارنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرغان سوپىدا، مەرھۇم بۇغرا قاراخان يۈسۈپ قادىرخان تەقدىم قىلغان ھەزرىتى فارابىنىڭ «ئەقىل ھەققىدە» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى:
… ئەقىل ئاللاتائالا بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ھەرىكەتچان پىكىر قىلغۇچى قۇرۇلمىدۇر. ئىنساننىڭ ھەممە شەيئىدىن ئۈستۈن تۇرۇشىمۇ پىكىر قىلىپ ياشايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلىشىمۇ ئەقىللىك بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ھېچقانداق شەيئى ئەقىل - پاراسەتتە ئىنسان بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ. مانا شۇنداق تۇرۇغلۇق، نەپسىنى دەپ ئەقىلدىن ئاداشقانلار دۇنيادا گۇناھقا پېتىپ، خائىن، ئاسىي، ئوغرى، خىيانەتچى، زالىم، كاززاپ، باسقۇنچى، قاتىل، سۇخىنىچى، ئالدامچى جىنايەتچىلەردىن بولۇپ قالماقتا. ھەممىگە قادىر بولغان ئەقىلنىڭ بۇنداق ئايلىنىپ
كېتىشى — نەپسى خاھىشىغا بېرىلىپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىندۇر. نەپسى خاھىشىغا بېرىلگەن ئادەمدە ئەقىل ئاينىپ كېتىدۇ، پىكىر قىلىش ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ، ياخشى نىيەت ئورنىنى قارا نىيەت ئىگىلەيدۇ. ئىنساب كۆڭۈل قەسرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئەمەل، ھوقۇققا ئىنتىلىش كۈچىيىدۇ، كۈنلەرنى ئاچ كۆزلۈك، تەمە بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ياخشىلارنى ئورۇنسىز ئەيىبلەش، دانا، قابىل كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش، پىتنە - پاسات تېرىپ باشقىلارغا قارا چاپلاش ئەقلى ئاينىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە، گۇناھ سادىر قىلىدۇ، جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ، ئەقلىنى يوقاتقاندەك ئىززەت - ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ. بۇنداق ئەقىلدىن ئاينىش ئىنساننى ھېچقاچان روناق تاپتۇرمايدۇ، نابۇت قىلىدۇ، خورلۇق - كۈلپەت دەشتىگە تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز ئاللا دېگەندەك ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدۇ … — بالام، كىتاب ئوقۇپ چارچىغانلا، ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىۋالسلا. ئاتىلىرىنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. يۈسۈپ ئىخلاس بىلەن ئوقۇۋاتقان كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، پېشانىخان پەلەمپىيىدە مېھرى بىلەن قاراپ تۇرغان ئانىسىنى كۆرۈپ قوپتى. — ئاپا، چارچىمىدىم، كىتاب ئوقۇسام ھاردۇقۇم چىقىپ ئارام ئېلىپ قالىمەن. — شۇنداقتىمۇ بالام، ئارام ئالماي ئوقۇۋەرسىلا چارچاپ قالىدۇلا، — دېدى يابىرا يېقىنلاپ كەلگەن ئوغلىنىڭ چىمەن دوپپىسىنى تۈزلەپ كىيدۈرۈپ، — ئاتىلىرى بىلەن قەشقەردىن قايتىپ كەلگۈچە كۆزۈم يوللىرىدا بولدى، بالام، سىلىنى بەك سېغىنىپ كەتكەنىكەنمەن، كۆرگۈم كېلىپلا تۇرىدۇ. سىلى كېلىپ تۆت كۈندىن بېرى پەتەككە كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، قانغۇدەك ئەھۋاللىشالمىدىم. بۈگۈن مېھمانلارمۇ سېلىكىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئىككىمىز ئاتىلىرى كەلگۈچە بىر
پەس مۇڭدىشايلى، بولامدۇ، بالام؟ ئانىسىنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىنى كۆرگەن يۈسۈپ سۆزىگە قۇلاق سالغىنىچە ئايۋانغا كىردى.
- ئابا، مەنمۇ سىلىنى ناھايىتى سېغىنغانىدىم. ئوردۇكەنتتە بولغان كۈنلىرىمدە سىلى زادى ئېسىمدىن چىقمىدىلا، - يۈسۈپ قەشقەرگە بارغاندىن تارتىپ قايتقۇچە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى قويماي سۆزلەپ بەردى. بولۇپمۇ جانىبىدا غوجامنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئۆز ھاياتىنى ئاۋامنىڭ بەختى - ئامانلىقى ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىقىنى سۆزلىگەندە، ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن نەچچە قېتىم تۇرۇپ كەتتى. ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، سۆزلىرىمۇ تىترەپ چىقتى، كۆزلىرىدىن ياش ئاقتى، ئانىسىمۇ يىغلىۋەتتى. پەقەت دىلداربىكە توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى.
- ئوردۇكەنت - مېنىڭ تۇغۇلغان ئانا يۇرتۇم، بالام. كۆرگۈم كېلىدۇ، باغۇبوستانلىرىدا سەير قىلغۇم كېلىدۇ. قوزغۇردۇغا كەلگەن يىگىرمە يىلدىن بېرى ئۈچ قېتىم ئاتىلىرى بىلەن بېرىپ كەلدىم، بەزى چاغلاردا دىلىم كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئاشۇ دىيارنى تارتىپ قالىدۇ.
- ئابا، تاماق تەييار بولدى، - ئاشخانىدىن چىققان ئارچۇن ئانىسىنىڭ سۆزىنى بۆلدى، - داستىخاننى ئاتام كەلگەندە سالامدۇق، ھازىرمۇ؟
- ئاتاڭ كەلگەندە سالغىن ئاچا، يەنە بىرئاز كۈتەيلى، - دېدى يۈسۈپ ۋە غەمگە چۆمۈپ قالغان ئانىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئارچۇننىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى ياققاندا، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، - نېمە بولدىلا ئابا، يىغلاۋاتىدۇغۇ؟ ئېغىر تىن ئالغان يابرا بىر قولىنى يۈسۈپنىڭ يەلكىسىگە قويۇپ دېدى:
- مېنىڭ بۇ يىغىم سىلەر ئۈچۈن، بالام، سىلەرنىڭ
غېمىشلارنى يەيمەن شۇ، — ئانا سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېمەي ئىشىككە قارىدى. ئېرىنىڭ كېلەلمىۋاتقىنىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەلەمرگەن كۆزلىرى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ ئىشىككە تىكىلىپ قالغان نەزىرىنى دېرىزىدىن ئايلان ئۆينىڭ سوپىسىغا چۈشكەن كۈن شولىسىغا يۆتكەپ قويدى، — بالىلىرىم، ئاتاڭلار كېلىدىغان ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ …
دۇنيادا ئەندىشىدىن خالىي بولالمايدىغان ئانىلارنىڭ دەرىجىگە يېتىدىغان بالىلار ئاز. ئانىسىنىڭ ھەسرەت چېكىۋاتقانلىقىنى، ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇسمۇ، بىلمەسلىككە سېلىپ كارى بولمايدىغان پەرەنتلەرنىڭ كۆكرەك قەپىسىدىكى يۈرەك بولماي تاشمىدۇ؟
يۈسۈپ گەرچە ئۆسۈپ يېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئانىسىنىڭ غېمى، دەردىنى بىلەتتى. ياشىرا ئون سەكىزدىن ئاشقان، تېخىچە ياتلىق بولمىغان قىزى ئارچۇننىڭ تويىنى تېزرەك قىلىۋېلىش كويىدا باش قاتۇرۇپلا كۈنلىرىنى ئۆتكۈزەتتى.
قىزى ئون ئۈچكە كىرىشىگىلا ياتلىق قىلىشقا، ئوغلى ئون تۆتتىن ئاشسىلا ئۆيلەشگە ئالدىرايدىغان ئاتا - ئانىلار قاراخانىيلار جەمئىيىتىدە كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلاتتى. قىزى ئون بەش - ئون ئالتە ياشقا كىرىپمۇ لايىق چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالسا، بۇ ئاتا - ئانا ئۈچۈن نومۇس ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ئانىجى بار بالدۇرراق تويىنى قىلىش كويىدا بولاتتى. ئون يەتتە - ئون سەكىزگە كىرگۈچە لايىق تاپالماي، ئوغلىنىڭ تويىنى قىلالمىسلىقىمۇ، ئاتا - ئانىغا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيات بىلىنەتتى.
ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىسلام دىنىغا كىرمەستە قىز چىقىرىش، ئوغۇل ئۆيلەشنىڭ ياش چېكىگە ئانچە ئېتىبار قىلمايتتى. ئۇ چاغلاردا يىگىرمە، ئوتتۇزغا كىرىپ توي قىلماي ئۆتۈۋەرەسمۇ ئەيىب بىلىنمەيتتى. شۇڭا، شەھۋانىيلىققا بېرىلىش، ئەيش - ئىشرەت ئەۋج ئالغان بولۇپ، ياش - قۇرانلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى
ئاجىزلاپ كەتكەندى.
قاراخانىيلار مەملىكىتىدە دىن ئومۇملاشقاندىن بېرى، شەھۋانىيلىق، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىش چەكلىنىپ، ئوغۇل - قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى پەردىشەپ كۈچەيدى. ئەدەپ - ئەخلاق سالاھىيەت ئۆلچىمى قىلىنغاچقا، يىگىت - قىزلارنىڭ ساپاسى يىلسېرى ئۆسۈپ باردى. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغان، ئۆزىنى تۇتالايدىغان ئەدەپلىك ياشلار ھەممە جايدا مەيدانغا كەلدى. لېكىن، قىزلارنى كىچىك ياتلىق قىلىش ئادەتكە ئايلانغانلىقى ئائىلىلەرنىڭ غېمى كۆپىيىپ، ئاتىلارنىڭ تېلىپى قاتتىقلىشىپ كەتتى.
ئون سەككىزگە كىرگەن بولسىمۇ، كۆڭۈلدىكىدەك لايىق چىقماي ئولتۇرۇپ قالغان قىزى ئارچۇن ئۈچۈن يابرا ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى. بۇ قىزنى ياتلىق قىلىۋەتسە، يۈسۈپنى ئۆيلەشكىمۇ يول ئېچىلاتتى. بۇ رەيھاندىنمۇ ئايان ئىدى. ئوغلىنى ئۆيلەيلى دېسە، ئاچىسىنى چىقارماي تۇرۇپ ئوغلىمىزنىڭ تويىنى قىلىشىمىز جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە توغرا كەلمەيدۇ، دەپ يابرا قوشۇلماي تۇرۇۋالغانىدى.
ئارچۇنغا بىر قانچە يەردىن لايىق چىققانىدى. باشقا قەبىلىدىن ئىكەن … سەردار بولسىمۇ، زەردار ئەمەس ئىكەن … ھۈنەرۋەن بولسىمۇ، نام - ئاتىقى چىقمىغان ئىكەن … مىجەزى قىزىمىزنىڭ مىجەزىگە نامۇناسىپ ئىكەن … دەپ قارىغان ئاتا - ئانا بۇ توينىڭ ئارقىغا سۆرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىۋاتاتتى. يۈسۈپ «چوڭ ئاچىلىرىمنى ئۆزىنىڭ قوللىرىغا ياتلىق قىلغان ئاتام ئەجەب كېنجى قىزىغا كەلگەندە، بوۋام - موماملارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، نەسەب سۈرۈشتۈرىدىغان بولۇپ قالدى» دەپ ئويلاپ، بۇنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولاتتى. كۆپ ئويلاپ، مۇلاھىزە قىلىپ ئاخىرى بۇنىڭ تېگىگە يەتتى: زەردار، بايلارنىڭ يۇقىرىغا ئىنتىلىشى — بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىي تاللىشىدۇر. بەزى ھاللاردا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشى، ئۇلارنىڭ
بېشىنى سىلىشى ئىنسانىي مېھر مۇھەببەت، كۆيۈم شەپقەتنىڭ ئاھەڭىدىكى غەلىبىسى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ھەرقانداق زاماندا، ھەرقانداق پولدار ئائىلىدە سادىر بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۆمۈرۋايەت داۋاملىشىشى ناتايىن …
مۇشۇ ئويغا كەلگەن يۈسۈپ «ئاللانىڭ ئىرادىسى ھەممىدىن غالىبتۇر، شۇڭا نىكاھ غايىپ، رىزقى غايىپ، ئەجەل غايىپ، بۇنى بەندە ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېگەن نەتىجىنى چىقاردى. ئونىڭچە بولغاندا، كۆيۈئوغلۇل بولغۇچىنىڭ نەسەبىنى ئانچە سۈرۈشتە قىلماي توينى قىلىۋەتسە بولۇۋېرىتتى، لېكىن بۇنداق دېيىشكە پېتىنالمايتتى. رەيھانخاننىڭ ئاتلىق ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقى پۈتۈن ئائىلىنى، جۈملىدىن يۈسۈپنىڭ سۆز ھەرىكىتىنىمۇ غايىبتىن تىزگىنلەپ تۇراتتى.
يۈسۈپ بويى ئۆسكەنسېرى زىلۋالىشىپ كەتكەن ئاچىسىنىڭ مۇڭلۇق چىرايىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئانىسىغا كۆڭلىدىكى گەپنى ئېيتماقچى بولۇپ يەنە يالتىپ قالدى. ئونداق دېسە، «ئوغلۇم جىگدە پوراپ قاپتۇ، قانداق قىلارمەن؟» دەپ غېمى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتمىسۇن دېدىمۇ، بېشىنى سالغىنىچە خىيالغا پاتتى: «چۈشتىن كېيىن ئۇستازىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەي. ئاقبۇلاققا ئەتە بارىمەن، دەپ قويۇۋېدىم، تۆت كۈن بولدى، بارالمايۋاتىمەن. ئۇستازىمنىڭ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە پەتەڭگە كېلىپ كەتكىنىمۇ ئىككى كۈن بولدى. ئوردۇكەنتتىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغامنى بېرىشنى يەنە كېچىكتۈرسم، ئونىڭ قىممىتى بولمايدۇ …»
ئاتام كەلدى! ئورنىدىن تۇرغان ئارچىن يۈسۈپنى نوقۇپ قويۇپ سوپىدىن يەرگە چۈشتى.
ھاجىبۇل ھوجىجاپ مەنەسبىنىڭ زەر ياقىلىق توننى كىيىپ، بېشىگە ئورالغان سەللىگە كۈمۈش ئوتۇغات قادالغان رەيھاندىن ئايۋان ئىشىكىدىن كۈلۈمسىرىگىنىچە كىردى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئانىسى، بالىلىرىم.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا! — يۈسۈپ سۇپىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى.
— ئەسسالام، ئاتىسى، چۈشتە كېلەلمىگەنلىكلىرىڭنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم، يېڭى ئۆزۈڭگە ئولتۇرۇپلا، مۇبارەك بولسۇن، — ئىتتىك كەلگەن يابغۇ ئېرىدىن ھال سورىغاچ، تونىنى سالدۇرۇپ، سەللىسى بىلەن ئىلغۇچقا ئاستى. ئارچۇن ئاتىسىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئەركىلەپ يۆلەندى.
— قوللىرىغا سۇ بېرى، يۇيۇۋالسۇن، ئاتا.
— ھويلىدا قىزىتۇرمىش قولۇمغا سۇ قويۇپ بەردى، بالام، — رەيھاندىن سۇپىغا چىقىپ ئولتۇردى، — بۈگۈن تازا كۆتكۈزۈپ قويۇپتىمەن — ھە! بۇغرا قاراخان يېقىندىن يوغۇرۇش، ھاجىپ، سۇباشلارنى تەيىنلىدى. چۈشتە بارلىق دۆلەت ئەربابلىرىغا «بەگ تەرەكسى» ئۆتكۈزۈپ خەيرخاھلىق قىلدى، شۇڭا ۋاقتىدا كېلەلمىدىم. ئونىڭ ئۈستىگە مۇھەممەد ئارسلانخان ئالىيلىرىمۇ خانىشلىرى بىلەن تالاسقا يۈرۈپ كەتتى.
— مۇبارەك بولسۇن! — يۈسۈپ، ئارچۇنلارمۇ ئاتىسىنى مۇبارەكلەپ چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولغىنىنى بىلدۈرۈشتى.
— بۈگۈن پەتەگە كەلگەنلەر بولدىمۇ؟
— ئوغرۇق، قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى كەلدى، ئونىدىن كېيىن ھېچكىم كەلمىدى. قارىغاندا پەتەچىلەر تۈگەشكە ئوخشايدۇ، ئابا.
— ھېلىمۇ ئون ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن كەلگەنلەر ئاز ئەمەس، مېھمان كۈتۈپ ھارغانسەن، بالام.
— باغدا كېچە — كۈندۈز ئىشلەپ كۆچەت تىككەن بولساممۇ بۇنچە ھارمايتتىم. راست ئابا، بەك ھېرىپ كەتتىم، ئونىڭ ئۈستىگە زېرىكىپ كەتكىنىمنى دېمەيلا قوياي، — يۈسۈپ كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ، رەيھاننىڭ يېنىدا يۆكۈنۈپ ئولتۇردى.
— ئونداق دېمە، بالام. ئادەم بىلەن ئادەم، ئۆتەنداش،
قېرىنداشلىرىمىزنى قانچە ھۆرمەتلىسەك ئەرزىيدۇ.
يۈسۈپ ئاتىسىغا لەپپىدە قاراپ دېدى:
— توغرا دېدىڭىز، ئابا، — يۈسۈپ چوكا بولغاندىن بېرى ئاتىسىنى «سىلى، ئۆزلىرى» دەپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانىدى، — ئۆتەنداش، قېرىنداشلارنى كۈتۈش، مېھمان قىلىش خاسىيەتلىك ئىش. ئەمما، كۈتۈش، مېھمان قىلىش لايىقىدا بولمىسا، ساھىبخانا ئۈچۈن جاپا بولۇپ قالىدىكەن. مېھمان كۈتۈش بىلەن مەملىكىتىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى، خەلقنى بېيىتقىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكىنىمدە، بەكمۇ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم. ئوقۇش، ھۈنەر ئۆگىنىش، ئىش — ھەرىكەتكە كۆپرەك ۋاقىت بېرىپ، مېھمان كۈتۈشنى لايىقىدا ئىخچاملاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ ھېس قىلدىم. ئادەملەرنىڭ كۈنى مېھمان كۈتۈش، مېھمانغا بېرىش بىلەنلا ئۆتسە ئاللا راۋا كۆرەرمۇ؟
رەيھاندىن ئويلىنىپ بىرئاز سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن، يۈسۈپنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى:
— بۇ گەپلىرىڭمۇ ئورۇنلۇق، بالام. ئادەم بۇ دۇنياغا مېھمان، شۇنداقلا ئادەم ئادەمگە مېھمان. ئادەملەر بىر — بىرىگە نەپ يەتكۈزۈپ، بىر — بىرىگە باغلىنىپ ياشايدۇ.
— دېگەنلىرى ياشاش ئۈچۈن زۆرۈرىيەتتۇر، ئابا. بىر — بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش، بىر — بىرىنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشى، ئۆگىنىشى، ئىشلىشى، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئىختىرا، كەشىپ قىلىشى زۆرۈر ئەمەسمۇ، ئابا؟
— سەنزە بالام … — رەيھاندىن كۈلۈمسىرىدى، ئۇ ئوغلىنىڭ سۆزىگە قوشۇلغان، قايىل بولغان چاغلىرىدا ئۈن چىقماي كۈلۈمسىرەپ قوياتتى.
ئارچىن داستىخان سالدى. يۈسۈپ بەگتۆمۈر، زەمۇران ئاننى ئىچكىرى ھويلىدىن چاقىرىپ چىقتى. رەيھاندىن بۇ ياشىنىپ قالغان ئاتا — ئانىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ، يانپىشىغا ياستۇق يۆلەپ
بەرىدى. يابىرا ئېلىپ كىرگەن قايماق چۆپنى قېيىنئاتا، قېيىنئانىسى ۋە ئېرىنىڭ ئالدىغا قويدى.
يۈسۈپكە بۇ ئاش بەك يېقىمدى. لىققىدە تولغان چۆپ ئۈستىگە قويۇلغان قايماق ئاشنى شۇنداق تاتلىق قىلىۋەتكەنىدى.
ئاش يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن بەگتۆمۈر دۇئا قىلدى.
— ئاللا، يەتكۈزۈپ بەرگەن رىزقىڭغا رەھمەت. ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ ئىگىسى ئۆزۈڭ، ئۇ دۇنياغا پاك ھالدا مۇسۇلمان پېتى كېتىشىمىزگە نېسىپ قىلغايسەن. بالىلىرىمىزغا، نەۋرىلىرىمىزگە بەخت ئاتا قىلغايسەن، ئامىن ئاللاھۇئەكبەر!
2
يۈسۈپ ئانىسىغا ئۇستازىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قەشقەردىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغىلارنى كۆتۈرگىنىچە ئاق تورۇققا مىندى. ئات سوپسۇغۇق سۇ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭنى بويلاپ يورغىلىدى. دەل دەرەخلەرنىڭ سارغىيىشقا باشلىغان يوپۇرماقلىرى كۈزنىڭ غۇر غۇر شامىلىدا شىلدىرلايتتى. ئۆنى ئىشكەنى قىيا ئاچقان ئاقبىرا ھودۇققان ھالدا كۈتۈۋالدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز قىزى، بۇۋاقىت كېلىپ مالال قىلمىغاندىمەن؟ — يۈسۈپ بىر قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام قىلدى.
رومالنى سەلگىنە قايرىپ قارىغان قىز ئېلىدە قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى.
— ئەسسالام، گەپىدە تۇرماس يىگىت، كەلسىلە. ئاتام نەچچە كۈندىن بېرى يوللىرىغا كۆپ قارىدى …
ئاتنى يېتىلەپ كىرگەن يۈسۈپ ھويلىنىڭ سول تەرەپ بۇلۇڭىدىكى ئېغىلغا ئەكىرىپ باغلاپ قويۇپ چىقتى.
— ئۇستاز تېخى كەلمىدىمۇ؟
— ئاتام نامازدىگەرنى مەدرىسىدە ئوقۇپ ئاندىن كېلىدۇ، ئەسلىرىدىن چىقىپ قاپتۇ — ھە؟! — دېدى قىز پىچىرلاپ، — ئاباممۇ تېخى قىز — جۇۋانلارغا دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ.
— ئانداق بولسا كەچتىرەك كېلەي، — يۈسۈپ ھويلا ئىچىگە سەپ سالدى. ئاتا — ئانىسى يېنىدا بولمىغان بىر قىز بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇش تازا مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. ئۇ قىز — چوكانلار دەرس ئوقۇۋاتقان پەنجىرىلىك چوڭ ئۆيدىن كۆزىنى ئېلىپ ئارقىسىغا ياندى.
— نەگە بارىدىلا يۈسۈپ؟ — ئاقبىرانىڭ يېقىملىق ئۈنى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن تىللادەك جاراڭلىدى. ئۇ: «يۈسۈپ گېپىمنى چۈشىنەلمەپتۇ، ئەركىن — ئازادە ئولتۇرۇپ ئوردۇكەتنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىرمىكىن دېسەم، كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدى، خۇيى تۇتۇپ يۈسۈپكە قارىماي:
— ئولتۇرغىلىرى كەلمىگەن بولسا كېتىۋەرسىلە، ئىشىك ئوچۇق، — دېدى يىغلامسىراپ.
يۈسۈپ توختاپ ئاقبىراغا ئەجەبلىنىپ قارىدى. «بۇ ۋاقىتقا قەدەر ماڭا بۇنداق ئاچچىقلىنىپ گەپ قىلمىغانىدى، بۈگۈن ئەجەبا …» ئۇ خىيالچان نەزىرى بىلەن چىرايى ئۆچۈپ كەتكەن قىزنى كۆزەتتى.
ئاقبىرا ئۇنىڭغا ئاچچىقلانمىغانىدى، كۆڭلىدىكىنى بىلدۈرەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆزىگە ئۆزى ئاچچىقلاپ يۈسۈپكە قېيىداپ قالغانىدى. بۇنداق قېرىنداش قەلبكە سۆيگۈ ئوتى تۇتاشقان، ئەمما ئۇنى قانداق ئىزھار قىلىشنى بىلمىگەن ياش قىزلاردىلا بولىدۇ.
ئاقبىراغا تۇتاشقان سۆيگۈ ئوتى يۈسۈپ قەشقەرگە ماڭغاندا بىردىنلا يالقۇنجاپ كەتكەنىدى …
قىز كىچىكىدىن ئۆز ئاكىسىدەك كۆرۈپ يۈسۈپكە ئۆچۈركەپ قالغاچقا، ھېچقانداق غەرەز، مەقسەتسىز ئامراقلىق قىلاتتى. چوڭ
بولغانلىقى بۇ ئامراقلىق تەبىئىي ھالدا كۆچۈپ، ئۈزۈلمەس رىشتىگە ئايلاندى. رەستىدە بولغان قىز غەرەزلىك ھالدا يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كېلىشكە ئىنتىزار بولىدىغان، ئوغرىلىقچە يەر ئاستىدىن تىكىلىپ قارايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ سەپەر قىلىشى قىزنى يىراق ئوتقا تاشلىدى ۋە ئۇنى كۆرۈشكە شۇنچە تەقەززا قىلدى …
ئاقبىلەك يۈسۈپكە ئاتاپ بىر بادام دوپپا، بىر چىمەن دوپپا، بىر ئاق دوپپا تىكتى. ئۈچ ياغلىققا يوپۇرماقنىڭ، شاختىكى قوش ئالمىنىڭ، گۈل شېخىغا قونغان بۇلبۇلنىڭ سۈرەتلىرىنى كەشتىلىدى، ئانىسىغىمۇ كۆرسەتمەي ساندۇقىغا سېلىپ قويدى. ئۇ كۆپ ۋاقتىنى تاشقىرىقى ھويلىدا قىز - چوكانلارنى ئوقۇتۇۋاتقان ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆتكۈزەتتى، ئەرەب، پارس تىلىنى پىششىقلاپ ئۆگىتەتتى، شېئىر يادلىتەتتى، ئانىسى مەدرىسىدىن كەلگەندە قۇرئان تەپسىرىدىن دەرس ئالاتتى. ۋاقىت تېز ئۆتۈۋاتسىمۇ، يۈسۈپتىن ئايرىلغان كۈنلەرنى ساناپ، ئاينى توشتۇرماق ئۇنىڭغا شۇنچە تەسكە توختايتتى. ئاقبىلەك ئۆزىدىن: «يۈسۈپنىڭ كۆڭلىدە مەن بارمۇ؟» دەپ سوراپ قوياتتى، «مەن ئۇنى ئويلىغاندەك، ئۇ مېنى ئويلىمامدىغاندۇ؟» مۇنداق سوئال ئۇنىڭ لەۋەن چىھرىدە مۆڭ پەيدا قىلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كەم سۆز، خىيالچان بولۇپ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى.
ئالتە ئايدىن كۆپرەك داۋام قىلغان جۇدالىق ئاقبىلەكنى تېخىمۇ نازۇكلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. بۇغرا قاراخاننى قارىشى ئېلىشقا چىققان كۈنى يۈسۈپنى كۆرۈشكە شۇنچە ئىنتىزار بولدىكى، يولغا تىكىلگەن كۆزلىرى ئېقىپ كەتكىلى تاس قالدى. ئاخىرى يۈسۈپ ئالدىغا كېلىپ، «ئەتە بارىمەن» دەپ خوشلاشقاندا، ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ، ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ يوپراقتەك تىترەپ كەتتى. يۈسۈپ تۈت كۈنگىچە كەلمەي ئاقبىلەكنى يەنە ئۈمىدسىزلەندۈردى، بىچارە قىز بىرلىك ئېتىدىن ئايرىلىپ ياداپلا كەتتى …
يۈسۈپنىڭ كېلىپلا كەتمەكچى بولغىنىدىن «ماڭا كۆڭلى يوق ئوخشايدۇ» دەپ قالغان ئاقبىرانىڭ قىيىداپ ئېيتقان سۆزى كۈتمىگەن نەتىجە بەردى: يۈسۈپ ئارقىسىغا ياندى، ئۆيگە كىرىپ قىز سېلىپ بەرگەن كۆرپىدە ئولتۇردى.
— مەندىن رەنجىپ قالدىڭىزمۇ ئاقبىرا؟ — سورىدى ئۇ ئۆز كۆڭلىگە كەلگەننى ئوچۇق ئېيتتى، — ئۇستازىم تېخى كەلمەپتۇ، سىلىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويمىسۇن دەپ، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ تۇرماقچىدىم.
قىز بىر ھازالغىچە زۇۋان سۈرمەي بېشىنى سالغىنىچە تۇردى. ئاقبىرا مېنى چۈشەنسە بولاتتى، دەپ ئويلىغان يۈسۈپ پەس ئاۋاز بىلەن دېدى:
— ئاقبىرا، خاپا بولمىسىلا، پەيتىچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ. بۈگۈن ئۇستازىمدىن ئەپۇ سوراپ، ھەربىرىڭلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەرزىمەس سوۋغامنى قويۇپ، سېغىنىش، ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەكچىدىم، ئەمما سىلىنى رەنجىتىپ قويۇشنى ھەرگىزمۇ خىيالىمغا كەلتۈرمىگەنىدىم، كەچۈرسىلە.
يۈسۈپ سۆزىنى توختاتتى. قىزنىڭ ئېغىز ئاچمىغىنىدىن ئوڭايسىزلىنىپ، ئىختىيارسىز قول ئۈزۈتۈپ، «ئەبۇ نەسر فارابىنىڭ «بەخت توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇشتىن قالدى. بىرىنچى بەتكە كۆز يۈگۈرتۈۋېتىپ ئاقبىراغا قارىدى، قىزنىڭ ياشلىق كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. بىرنەچچە دەقىقە داۋام قىلغان بۇ ئاشىقانى تەلمۈرۈش، ئېغىزلاردا ئېيتىلمىغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ، كۆڭۈللەردىكى گۇماننى تارقىتىۋەتتى. قىزنىڭ مۇڭلۇق چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، قىيىداش پەيدا قىلغان سۈرلۈك غايىپ بولدى.
— مەن چاي دەملەپ كىرەي، سىلى بەھۇزۇر ئولتۇرۇسلا، سىلى كېلىپ باقمىغان ئۆي ئەمەستۇ بۇ.
يۈسۈپ «مەن بۇ ئۆيگە كېلىپلا نېمىشقا قورۇنۇپ قالدىم؟ نېمىشقا ئىلگىرىكىدەك ئوچۇق — يورۇق بولالمايمەن؟…» دەپ
ئويلاۋاتقاندا، ئاقبىرا ئاشخانىدا چاي دەملەۋاتاتتى. ئۇ يىگىتنىڭ قايتىپ كىرگىنىدىن بەكمۇ خۇشال ئىدى، چاي بىلەن داستىخاننى ئېلىپ كىرگەندە، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلغان يۈسۈپ بىمالال كىتاب كۆرۈۋاتاتتى.
— چاي ئىچىسلى، يۈسۈپ، — ئاقبىرا ھېلىقى رومالنىڭ ئۇچى بىلەن قوللىرىنى ئوراپ قىزىرىپ پىشقان يۈزىدە ياق تەپچىرەپ تۇرغان قاتلىمىنى ئۇشتۇدى.
— ھويلا، ئۆينىڭ ئىچى گۈل بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. خۇددى بۇ ئۆيگە ئىلگىرى كەلمىگەندەك ھەيران قېلىۋاتىمەن، ئاجايىپ كۆركەم، خوش ھاۋا قەسرگە ئايلىنىپتۇ.
ئالتە ئايدىن بېرى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان يۈسۈپكە ئاقبىرامۇ ۋە ئۇ ھاياتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ئۆيمۇ شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى.
— بۇ ئابامنىڭ ئەجرى، كۈندۈزى شاگىرتلىرى بىلەن بولسا، ئەتەگەن — كەچلەردە دەرەخ، گۈل — گىياھ بىلەن بولىدۇ.
— ھە! — دېدى يۈسۈپ قايىل بولمىغان تەرزدە، — ئاتىسغا ياردەملىشىدىغان، ئۆي ئىچىگە كۆيۈنىدىغان يەنە بىر ئىشچان قىزمۇ باردەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ نازۇك قولىدا قويۇلغان سۇ گۈل — گىياھلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرمىغان بولسا، بۇنداق چىرايلىق پورەكلەپ ئېچىلمىغان بولاتتى …
«يۈسۈپ ئاكا» دەپ ئەركلەپ سۆز قىلىدىغان ئاقبىرا ئەمدى «ئاكا» دېيىشنى تازا مۇناسىپ كۆرمەي، ناھايىتى تارتىنىپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. يۈسۈپ قەشقەردە كۆرگەن — بىلگەنلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى. بارغانسېرى قىزنىڭ يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋادەك ئېچىلىپ، خۇشخۇيلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، دىلداربىكە توغرىلۇقمۇ سۆزلەپ بەردى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چاي قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ تىڭشاۋاتقان ئاقبىرا سورىدى:
— دىلداربىكە ياخشى قىز ئىكەنغۇ، ئەجەب باغرى تاشلىق
قىپتىلا، ئىچىلىرى ئاغرىمدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈنى ئاستا چىققان تەمبۇردەك تىترەپ چىقتى.
بۇنداق سوئالنى كۈتمىگەن يۈسۈپ شۇ چاغدا ئويلىغانلىرىنى يوشۇرماي ئېيتىپ، ئاندىن مۇنداق دېدى:
ئىچىمنى ئاغرىتىدىغان قىز ئۇ ئەمەس دە. ئىچ ئاغرىتىش مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. دىلداربىكە مېنى ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ قالارمىكىن، دەپ يالغانچىدىن تېز چۈشۈپ كەتتى. ئۇ پاك مۇھەببەتنى خورلىماسلىق مەقسىتىدە شۇنداق قىلدى.
ئەجەب ھە، ئاقبىرانىڭ قەلىمى قېشى ھىمىرىلدى، نېمە ئۈچۈن سىلى ئۇ بەرنا قىزنىڭ مۇھەببىتىنى رەت قىلدىلا؟
بۇ سوئالدىن يۈسۈپنىڭ يۈرىكى تىپچەكلەپ، ئاقبىراغا ئاشىقانىە نەزىرىنى تىكتى:
چۈنكى، مېنىڭ ئىشقىم چۈشكەن قىز يىراقتا ئىدى …
ۋاي خۇدايىمەي، سىلى نېمىلەرنى دەۋاتىدۇلا، يۈسۈپ؟
مەشۇقۇم بار، دەۋاتىمەن.
مەشۇقۇم بار؟ ئاقبىرانىڭ ئۈنى پىچىرلىغاندەك ناھايىتى بوش چىقتى، ئەجەب ھە، بۇ ۋاقىتقا قەدەر بىلمەپتىمەنغۇ؟ …
سىلى سورىمىسلا، مەن دېمىسەم، قانداق بىلىدۇلا ئاقبىرا؟
مەن نېمىشقا سورىغۇدەكمەن، يا سىلىنىڭ ئوغۇل دوستلىرى بولمىسام …
سىلىگە ئېيتماسلىقىمدىكى سەۋەبمۇ شۇ.
ئاقبىرانىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قوشۇمىسى تۈرۈلدى. «يالغان دەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقۇسى يوق، كۆڭلى باشقا قىزدا …»
ئاقبىرانىڭ قىزارغان چىھرى ئاستا ئاستا ئاقىرىشقا باشلىدى.
— بولدى، ئېيتىمىسلا، ئاڭلىغۇم يوق، — يۈسۈپكە ئۇدۇل ئولتۇرغان ئاقبىرا يانمۇ بولۇپ، ئېتەككە تاشلانغان چاچلىرىنى غىجىملىدى. يۈسۈپنىڭ ئاغزىدىن باشقا بىر قىزنىڭ ئېتىنى ئاڭلاشنى ئۇ قانداقمۇ خالىسۇن؟
يۈسۈپ قىزنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشتىن ھەيران بولدى. «ئەگەر كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ئاقبىرا نېمىدەپ جاۋاب بېرەر؟ رازىلىق بېرەرمۇ ياكى بۇ ئۆيگە ئىككىنچى ئاياغ باسماس قىلمۇپتەرمۇ؟ بايا كەتكەچى بولغىنىمدىن مەيۈسلەندى، قايتىپ كىرسەم تۇتۇلغان چىھرى ئېچىلدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يا كۆڭلىدە مەن بارمۇ؟…»
يۈسۈپ ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى چىرايلىق ئورالغان بويىدىن ئېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا قويدى:
— لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ، ئوردىكەنتتىن سىلىگە ئەكىلىۋىدىم.
چاچلىرىنى تىزىغا ئۈرۈپ ئولتۇرغان قىز لەپپىدە قارىدى. مەرۋايىت دوپپا، يېشىل ياقۇت كۆزلۈك سۆكە، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن زەنجىرلىك زۇنار، قىزىل ئەتەرگۈللۈك يېشىل يىپەك رەختتىن ئىبارەت بۇ سوۋغاتلار قىزنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
— نېمىشقا ماڭا ئېلىپ كەلدىلە؟ — پىچىرلىدى قىز، — بۇ بىر قىزنىڭ تويلۇقىغۇ، مەن ئۆزۈم قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟
— سىلىگىلا ئېلىپ كەلدىم، ئاقبىرا، سىلىگىلا، يۈسۈپمۇ تەلمۈرگەن ھالدا پىچىرلىدى، — قوبۇل قىلسىلا، بۇ بىر ئەرزىمەس سوۋغا … قوبۇل قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن ئاقبىرا … ئۆتۈنىمەن…
«ئۇنىڭ ئىشقى چۈشكەن يىراقتىكى قىز مەنمۇ يا؟» دەپ ئويلىدى يۈسۈپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قىزنىڭ دىلى ئېرىپ، «شۇنچە نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ، ئالمىسام رايى يېنىپ قالامىسۇن يەنە…»
ئاقبىرا يۈسۈپكە قايرىلىپ قاراپ ئورنىدىن تۇردى:
— دوپپا بىلەن ئۈزۈكنىلا ئالاي، يۈسۈپ، قالغان نەرسىلەرنى ئاتام — ئانام بار چاغدا ئالدىمغا قويۇپ قويىسلا. يۈسۈپ ئاقىبەتنىڭ نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەندى. — سىلى نېمىدىگەن ئاق كۆڭۈل، نېمىدىگەن سەمىمىي. ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇز مەرۋايىت بولغان بولسا، بىردىن ئۈزۈپ ئېلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قوياتتىم، ئاقىبەت. مەرۋايىت دوپپا بىلەن ئالتۇن ئۈزۈكنى قولىغا ئالغان قىز يۈسۈپنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ يەنە قىزىرىپ كەتتى. گەپ قىلماي ئىتتىك ئۆز خانىسىغا چىقىپ، دوپپا، ئۈزۈكنى ساندۇقىغا سېلىپ قويدى — دە، ئىچكىرى ھويلىنىڭ ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭىدىكى ئاشخانىغا يېقىنلاپ كېلىپ توختاپ قالدى. ئۇ ئاشخانا سوپىسىدا ئاش يېيىۋاتقان ئانىسىنى كۆرگەنىدى. «ئانام ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىپ، تاشقىرىقى ھويلىدىن قاچان يېنىپ كىرگەندۇ؟ مېنىڭ يۈسۈپ بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرگەنمىدۇ ياكى ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلغانمىدۇ؟» دەپ ئويلاپ ئاستا ئاشخانىغا قەدەم قويدى. — ئاپا، قاچان كىردىڭ، مېنى چاقىرمايلا ئاشقا تۇتۇش قىپسەنغۇ. — مەن ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىپ ھېلىلا كىردىم. قارىسام بەگىيۈسۈپ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپسەن، دىققىتىڭلارنى بۆلمەي، دەپ تاماققا قوپتۇم، بالام. ئاتاڭلارمۇ كېلىدىغان ۋاقىت بولدى، سەن سەۋزەنى توغراپ، گۈرۈچنى يۇيۇپ قويغىن. مەن كىرىپ بەگىيۈسۈپ بىلەن كۆرۈشۈپ چىقاي، — ھاۋاخان ئاغىچا چاچتەك كېسىلگەن ئۆگرىنى لەگەنگە ئالدى. پورۇقلاپ قايناۋاتقان قازاندىكى ئاش سۈيىنىڭ تۇز — تەمىنى تېتىپ كۆردى، رومىلىنى ئوڭلاپ سېلىپ يۈسۈپنىڭ قېشىغا چىقتى.
— ئەسسالام بالام، ھارمىغايلا؟ كىتابنى قويۇپ ئىتتىك ئورنىدىن قوپقان يۈسۈپ، ھاۋاخان ئاغىچىغا سالام بېرىپ قول باغلاپ تۇردى. — ئولتۇرۇسلا، بالام ئوردوگېنەتتە ئۇزاق تۇرۇپ قالدىلىغۇ؟ يۈسۈپ يۈكۈنۈپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇردى. ھاۋاخان ئاغىچىمۇ يېشىل تاۋار نىمچىسىنىڭ پېشلىرىنى تىزىغا بېسىپ يۈكۈندى. قوشۇما قاشلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرغان ئاق يىپەك رومىلى يۇمىلاق يۈزىنىلا ئوچۇق كۆرسىتىپ ئۇچىسىغا يېپىلغانىدى. يۈسۈپ ئۇستازىدىن كۆرە بۇ قوشناچ ئاغىچىدىن بەكرەك ئەيمىنەتتى. — قوشناچ ئاپا، ئوردوگېنەتتە كۆرىدىغان، ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇغرا قاراخان كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى، شۇڭا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالدۇق … — يۈسۈپ سۆزلەۋېتىپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتتى، ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇمنى كۆرگەنىدى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام، ئولتۇرۇسلا، ئولتۇرۇسلا، — ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم تونىنى، سەللىسىنى ئېلىپ ئاقبۇراغا بەردى، ئاندىن تېزچە قول باغلاپ تۇرغان شاگىرتىغا مۇلايىم نەزىرىنى تاشلاپ كۆرپىگە يۈكۈندى. يۈسۈپ شۇنىڭدىن كېيىنلا ئولتۇردى. — ئوردوگېنەتتە ئۇزاق تۇرۇپ قالدىلىغۇ، بالام؟ — يۈسۈپ ئۆزىنىڭ كېلىشىگە تەقەززا بولغان قەلب ئىگىلىرىنىڭ بۇ سوئالىغا يەنە شۇ جاۋابنى بېرىپ دېدى: — مەۋلانا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ، مەۋلانا مۇھەممەد ئەل كاشغەرىي قاتارلىق بىلىمگە ھۆددىگەر پىرلار ئۆزلىرىگە سالام يوللىدى. — ئاللا ئۇلارنى سالامەت قىلغاي. ئۇ بۈزرۈكۋارلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆھبەتلىرىدە بوپتۇلا — دە، بالام؟ — مەخدۇم چىرايلىق قىرقىلغان قارا ساقىلىنى سىيپاپ قويدى. — شۇنداق، ئۇستاز، ساچىيە مەدرىسىسىدە ئۈچ ئاي بىلىم
تەھسىل قىلدىم، ئۇزاقراق تۇرۇپ قېلىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەبمۇ شۇ. ئۇ بۈزرۈكۋارلار ئۆزلىرىنى بەك چۆك بىلىدىكەن. «ساچىيە مەدرىسىدە بىللە بىلىم تەھسىل قىلغانىدۇق، بۇخارا، باغداتلارغىمۇ بىللە بارغانىدۇق. مەخدۇم ھەزرەتلىرى بىلىمگە ھۆددەگەر پىرلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن ئەلگە، ئەۋلادلارغا بىلىم يۇقتى، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كامال تاپماي قالمايدۇ…» دەپ تەربىيىلەرنى قىلىشتى.
— شۇنداقمۇ، بۈزرۈكۋارلار شۇنداق دېيىشتىمۇ؟ ياق، ياق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا پېقىر ئاددىي بىر بوشغۇتەمەن، خالاس، — ھاياجانلانغان ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم ئىككى قولىنى ئۇزارتىپ يۈسۈپنى قۇچاقلىدى، — ئۇلار بىلەن بىللە ئوقۇغانلىقىم راست. دۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئەمما ساۋاقداشلار بىر - بىرىنى ئۇنتۇيالمايدۇ. ئۆلۈشكەن ھەربىرىنىڭ ھال سوراش ئۈچۈن پەتەنگە بارغىنىمدا، بۇ توغرۇلۇق سۆزلىشىشكە ۋاقىت يار بەرمىدى. رەيھاندىنبەگ جاناپلىرى ئوردۇكەنتتە تىكتۈرۈپ كەلگەن بەقەسەم توننى كىيدۈرۈپ قويۇۋەردى، شۇ قەدىناس بۇرادەرلىرىمنى كۆرگەندەك بولدۇم، بالام.
— ئۇستاز، — يۈسۈپ ئورنىدىن قوپتى، — ئوردۇكەنتتىن كېلىپلا ئالدىڭىزغا سالامغا كېلەلمەي قالدىم. نەچچە كۈندىن بېرى پەيتچىلەرنى كۈتۈش، ئۇزىتىش بىلەن بولۇپ، سوۋغاتلارنىمۇ ۋاقتىدا تاپشۇرالمىدىم، بۇ مەۋلانا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ مەنتىقە توغرىسىدىكى ئەسىرى، بۇ مەۋلانا مۇھەممەد ئەل كاشغەرىينىڭ تارىخىي ئەسىرى، ئۆزلىرىگە يادىكار قىلىپ پېقىردىن ئەۋەتىپتۇ، — ئىككى جىلىتقا سېلىنغان كىتابلارنى ئۇستازى ئالدىغا قويدى.
ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم جىلىتتىن چىرايلىق شىرازلانغان كىتابلارنى ئېلىپ يۈزلىرىگە سۈردى.
— ئاللا ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن. مەنتىقە، تارىخ بابىدا كۆڭلۈمدىكى بوشلۇقنى بۇ ئەسەرلەر تولۇقلايدىغان بولدى،
دۇئايىم ئىجابەت بوپتۇ. — بۇنىڭ بىلەن بىز بوشلۇقلارنىڭ، كۆڭلىمىزدىكى بوشلۇقنىڭ تولۇپ، ئادەم، ئالەمنى تونۇشىمىز چوڭقۇرلىشىدۇ، ئۇستازىم. يۈسۈپ بوۋاينىڭ ئىچىدىن بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ ھاۋاخان ئاغىچىنىڭ، يەنە بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ، يانتۇ قاراپ ئولتۇرغان ئاقبىرانىڭ ئالدىغا قويدى: — پېقىرنىڭ ئەرزىمەس سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغايلا، قوشناچ ئاپا. — رەھمەت، بالام، — ھاۋاخان ئاغىچا ئورنىدىن تۇرۇپ تەزىم قىلدى، — رەھمەت، ئاللا ئۆمۈر يوللىرىنى ئۇزۇن، بەختەر قىلسۇن، — ئۇ يەرگە قارىغىنىچە قىمتىلىپ ئولتۇرغان ئاقبىراغا دېدى، — بالام، تۇرۇپ رەھمەت دېگىن، شۇنچە ئېسىل نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ … ئاقبىرا قوپۇپ، ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان يۈسۈپكە لەپپىدە بىر قارىدى — دە، يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. يۈسۈپكە ئاتاپ تىككەن دوپپا، كەشتىلەنگەن يىپەك ياغلىقلار شۇ بىر قىلىق بىلەن ۋاقتىدا بېرىلمەي قالدى.
3
پېشايۋان ئۆگزىسىنىڭ قىرىغا قونغان كەپتەر ئۇياق — بۇياققا بويۇنداپ پۇررېدە ئۇچتى — دە، پەسلەپ كېلىپ، كۆل بويىدا يورغىلاپ يۈرگەن چىشى كەپتەرنىڭ يېنىغا قوندى ۋە بوقۇلداپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلاندى. شىلدىر قىلىپ شەپىدىن ئايرىلىپ چۈشكەن غازاڭ كەپتەرلەرنى چۆچۈتۈپ ئۇچۇرۇۋەتتى. ئىشىكتىن چىلان تورۇقنى يېتىلەپ كىرگەن يۈسۈپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان كەپتەرلەرگە قاراپ قويۇپ پېشايۋاننىڭ يېنىغا كېلىشكە، ئىچكىرى ھويلىدىن قولتۇقلىشىپ، بىر — بىرىگە
سۆيۈنۈپ چىقىۋاتقان بوۋاي بىلەن مومايغا كۆزى چۈشتى دە، ئىتتىك ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردى.
بالام، ئاتاڭ كەلدىمۇ؟ سورىدى بەگتۆمۈر سالام بەرگەن نەۋرىسىگە ھېرىسمەنلىك بىلەن بېقىپ. ئۇ تومۇرلىرى كۆپۈپ چىققان ياقاڭ قوللىرىنى يۈسۈپنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ھاسىراپ تىندى.
مەدرىسىدىن ھازىر كەلدىم، بوۋا. ئابام ئوردىدىن تېخى كەلمىگەندەك قىلىدۇ. مىجەزلىرى يوقمۇ، بوۋا؟ دېدى يۈسۈپ بوۋىسىغا كۆز سېلىپ.
قېرىلىق، بالام، قېرىلىق، بەگتۆمۈر ئاپپاق ساقىلىنى سىيپاپ قويدى، ئۇ ياداپ قالغانىدى، زەمىران ئانا ئۇنىڭغا قارىغاندا خېلى تېمەن ئىدى. بوۋاي مومىغا قاراپ قويۇپ سورىدى، نېمىشقا كەلمىگەندۇ، بالام؟ ئۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ كېتىۋاتاتتى.
گەپ بارمىدى، بوۋا؟
گەپ بولمامدىغان، بالام، يەنە زەمىران ئانىنىڭ قورۇق باسقان چىرايىغا قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، قېرىغان ۋاقتىمىزدا ئاتاڭ بىزگە ئېتىبار قىلمايدىغان بولۇۋالدى، بەگتۆمۈر بوغۇلۇپ قېلىپ كەتتى. مۈكچىيىپ بويى پاكارلاپ كەتكەن بۇ بوۋاي تېرىككەك بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «ئاتاڭ بىزگە ئېتىبار قىلمايدىغان بولۇۋالدى» دېگەندە، رەيھاننىڭ يالغۇز ئوغلىنىڭ تويىنى تېزرەك قىلمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقانىدى. ئۇ «ئالپامىش بىزگە قازا يېتىپ قالسا، يۈسۈپنىڭ تويىنى كۆرەلمەي قالارمىزمىكىن، دەپ ئەندىشە قىلاتتى. بۇ ھەقتە نەچچە قېتىم رەيھانغا ئېيتقان بولسىمۇ، توي توغرىلىق تېخىچە گەپ سۆز بولمايۋاتاتتى. يۈسۈپ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى.
بوۋاي بىلەن موماي بىرئاز دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يۈسۈپ ئۇلارنى يېتىلەپ ئۆزىنىڭ خانىسىغا ئېلىپ كىرىپ ئالما
شەربەتنى قويۇپ بەردى. — بالام، ئاتاڭ كەلسە كۈتۈۋاتقىنىمنى دەپ قويغىن، گېپىمنى قىلىۋالغۇچە تاماق يېمەيمەن. گېپىمنى بۈگۈنمۇ ئىلىك ئالمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىللە تاماق يېگۈچى بولمىسۇن. يۈگۈر، ئاتاڭ كېلىشى بىلەن بۇ ئۆيگە باشلاپ كىر، ئاتاڭ داستىخان سالماي تۇرسۇن، — دېدى بەگتۆمۈر زورۇقۇپ سۆزلەپ.
ھويلىغا چىققان يۈسۈپ، داستىخان كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئانىسىغا ئۆز خانىسىنى ئىشارەت قىلىپ قويۇپ، ئىشىككە قاراپ ماڭدى. بوسۇغىدا ئاتنى يېتىلەپ كىرىۋاتقان ئاتىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئونىڭ ئارقىسىدا بويانقار، ئادارمو بار ئىدى. — بالام، بۇ يەردە تۇرۇپتىلىغۇ؟ — دېدى رەيھاندىن سالام بەرگەن ئوغلىغا مېھرى بىلەن تىكىلىپ. — ئابا مۇشۇ تاپتا ئۆزلىرىنى بوۋام، مومام ھۇجرامدا كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.
رەيھاندىن «ئاتام، ئابام ئوغلىمنىڭ توي ئىشىنى سۆيلىگىلى مېنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ — دە. ئاچىسىنىڭ تويىنى قىلماي تۇرۇپ ئۆيلەپ قويساق ئەل — يۇرت نېمە دەر؟» دەپ ئويلىدى — يۇ، ئۆلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئالدىراپ، ئاتنى بويانقارغا بەردى. يۈسۈپ بىلەن چەك — چەك قەدەم ئېلىپ، ھويلىنىڭ ئوڭ يان تەرىپىدىكى دەرىزىلىرى باغقا قارايدىغان دەھلىزلىك ئۆيگە كىردى.
— بۈزرۈكۋارلىرىم بۇ يەردە ئىكەنغۇ، ھەممىلىرىنىڭ خىزمىتىگە ۋاقتىدا ھازىر بولالمىغىنىمدىن خىجىلمەن. — كەل، ئولتۇر، ئوغلوم! — دېدى بەگتۆمۈر قول باغلاپ تۇرغان رەيھاندىنغا چەك — چەك سۆزلەپ. ئۇ خاپا بولۇپ قالغان چاغلىرىدىلا سەنلەپ گەپ قىلاتتى، — سەن ھازىر دۆلەتنىڭ كاتتا ئەربابى، دېگىنىڭ دېگەن، قىلغىنىڭ قىلغان، بىز بىلەن كارىڭ يوق، شۇنداقمۇ؟
رەيھاندىن ھېچقاچان ئۆزىگە بۇنداق زەردە قىلىنمىغان ئاتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە كايىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ كۈلۈمسىرىدى:
— ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئاتا، ئابا. پېقىر — سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار، سىلەر پېقىر ئۈچۈن ئەل، ۋەتەن. نېمىشقا كارىم بولمىسۇن، بوزۇركۋارلىرىم. ئاتا — ئانىسى بىلەن كارى بولمايدىغان قارا يۈز، نامەردلەر قاتارىدا تۇرۇش مەن ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋەر، — دېدى رەيھاندىن قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان ھالدا.
بەگتۆمۈر ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزدى.
— بۇ گېپىڭ راستمو؟
— راستلىقىغا ئاللا گۇۋاھ، ئاتا.
— ئۇنداق بولسا تەكلىپىمنى رەت قىلمايسەن — ھە!
— ئەلۋەتتە.
بەگتۆمۈر زەھىران ئانىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يۈسۈپكە قاراپ دېدى.
— بالام، قوپقىن، سەن دەرھال بېرىپ ئاشانبۇقا، بۈدراچ مومايلارنى چاقىرىپ كەل، مۇھىم ئىش بار، ھايال بولۇپ قالمىغىن.
— ماقۇل، بوۋا، — ئورنىدىن تۇرغان يۈسۈپ ئىتتىك چىقىپ كەتتى.
— بەگتۆمۈر رەيھاندىننىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆزىگە ياش ئالدى.
— ئوغلوم، سىلى مېنىڭ قابىل، دانا پەرزەنتىم، — ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تىترەپ چىققان ئۈنى شۇنچە مۇلايىم ئىدى، — دۇنيامىزنىڭ خاسىيىتى، ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن زور بايلىققا، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشتۇق، بۇنىڭدىن ئانىلىرى ئىككىمىز پەخىرلىنىمىز. ئاللا ھەممە تىلەك — ئارزۇلىرىمغا يەتكۈزدى. ئەمما، ئوغۇل نەۋرەم بەگ يۈسۈپنىڭ ئاللىبۇرۇن بالاغەت
يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سىلىگە مەلۇم، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلى توي توغرىسىدا باش قاتۇرمىدىلا. نەچچە قېتىم ئائىلىرى بىلەن بۇ توغرىلىق تىلىمىزنى ئېيتساق، ئاچىسىنى تالالىق قىلىپ، ئاندىن ئىنىسىنى ئۆيلىمىسەك جەمەتىمىزنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنىسىنى بۇزغان بولىمىز، دەپ قونىمىدىلا. نەۋرىمىز ئارچۇننىڭ تويىمۇ ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى. بىز قېرىپ قالدۇق، بالام، ئەتلىكىمىز بارمۇ - يوق؟ ئاللا ئېگەم بىلىدۇ. چوك نەۋرەم بەگتۈرمىش باقىيغا كېتىپ تويىنى قىلالمىغان بولساقمۇ، ئۈچ قىز نەۋرەمنىڭ تويىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇقكى، كېنجى نەۋرىمىز بەگىيۈسۈپنىڭ تويىنى كۆرەلمەي جان ئۈزسەك، قانداقمۇ كۆزىمىز يۇمۇلىدۇ؟ بۈگۈن يەنە سىلىنىڭ يانلىرىغا كېلىپ بۇ نىيىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز سىلىگە ئازار بېرىش ئەمەس، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆز پۇشتىمىزنىڭ سائادىتىنى تېپىشىمىزگە دەرمان، ئاغرىقىمىزغا شىپا قىلىش، ئاتا - ئانىلىق مېھرىمىزدىن سىلىنى روھلاندۇرۇش، غەيرەتلىرىگە غەيرەت قوشۇش. بىز مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بەگىيۈسۈپنىڭ ھۇجرىسىدا سىلىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇق، بالام.
بەگتۈمۈر سۆزىنى تۈگىتىپ، زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىغان بېلىگە ئاستا مۇشتلىدى. رەيھاندىن ئۆزىگە يۆلەنگەن ئاتىسىنىڭ بېلىنى تۇتۇپ دېدى:
— ئاللا ھەممىڭلارغا رەھمەت قىلسۇن، بۈزرۈكۋارلىرىم. ياخشى نىيەت يېرىم دۆلەت. بۇ ۋاقىتقىچە ئاچىسىنىڭ تويىدىن كېيىن ئۆيلەيمىز، دەپ ئارقىغا تارتىپ كەلگىنىم راست. ئەگەر ھەممىڭلارنىڭ تىلىپى شۇ بولىدىغان بولسا، ھازىردىن باشلاپ ئوغلۇمنىڭ تويىنى قىلىش كۈيىدە بولىمەن.
— ئىنشائاللا بالام، نەۋرىمىز بەگىيۈسۈپنىڭ تويى، ئاچىسىنىڭ ياتلىق بولۇشىغا يول ئېچىپ بەرسەي.
— ئېيتقانلىرى كەلسۇن، ئاتا.
— ئاشانبۇقا، بۈدۈرەچ مومايلار بىلەن بەگىيۈسۈپكە كىمنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئوبدان مەسلىھەتلىشەيلى. قۇدام بەگتاش داموللا كېسەل، ئەتە بېرىپ سەمىگە سېلىپ مەسلىھەتنى ئېلىپ كېلەي، قۇدىلىرى چاغىربەگ ئادامتۇغرۇل بىلەنمۇ كېڭىشىپ باقسۇلا، ھەر جەھەتتىن بىز بىلەن تەڭ كەلگۈدەك جەمەت بىلەن قۇدا بولۇشىمىز لازىم. — ماقۇل، ئاتا. — بالام، بىزنى ماقۇل بىلەن ئالداپ قويمىسىلا، ئوغۇل نەۋرىمىزنىڭ تويىنى كۆرەلمەي ئارماندا كەتمەيلى. باياتىن ئېرىنىڭ سۆزلىرىنى باش لىڭشىتىپ ماقۇللاپ ئولتۇرغان زەھىران ئانا سۆز قاتتى: — خۇدا بۇيرۇسا توينى ئەمدى كېچىكتۈرمەيمىز. يۈسۈپ ئاشانبۇقا بىلەن بۈدۈرەچ موماينى چاقىرىپ كەلگەندە، رەيھاندىن ئاتا — ئانىسى بىلەن قىلىۋاتقان پارىڭىنى توختىتىۋالدى. — بالام، تامىقىڭنى يەپ ئوقۇشۇڭغا كېتىۋەرگىن، بىزنىڭ قىلىشىدىغان مەسلىھىتىمىز بار، — دېدى بەگتۆمۈر. ئۇ باياقىدەك چىرايى تۇتۇلغان ھالدا ئەمەس، خۇشال ئولتۇراتتى. — ماقۇل، بوۋا، — يۈسۈپ غىزالىنىدىغان ئۆيدە گۆشناندىن بىرنى يەپ قېتىق ئىچتى — دە، ئالدىراپ مەدرىسىگە كەتتى. «بوۋاملار نېمە ئىش توغرىلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتقاندۇ؟ كىرسەم گەپنى توختىتىۋالدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يا مېنىڭ توي ئىشىم توغرىلۇق باش قاتۇرۇشۇۋاتامدىغاندۇ؟ ئاچامنىڭ تويىنى قىلماي تۇرۇپ، مېنىڭكىنى قىلماس …» بۇ خىيال ئۇ مەدرىسىدىن قايتقاندىمۇ كاللىسىدىن نېرى بولمىدى. ئۇنىڭ بالىغەت يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى چوڭلار بىلگەن بىلەن، ئاقىبەت ئاچىسىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. «راستلا مېنىڭ توي ئىشىم توغرىلۇق باش قاتۇرۇۋاتقان بولسا، ماڭا قايسى جەھەتتىن قىز ئېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدىكىن؟ ئاقىبەت ئاچامغا كۆڭلۈم بارلىقىنى قانداق بىلدۈرسەم
بولار؟…» يۈسۈپ بۇ خىيال بىلەن تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تامغا ئورنىتىپ قويۇلغان قەندىلدىكى شامنى ياقىتى، چاپان - ئىشتىنى كىيدى. ھويلىغا چىقىپ، كۆل بويىدىكى ئۆچاققا سۇ توشتۇرۇپ تاھارەت ئالدى. تۈن شامىلى دەرەخلەرنى ئىرغىتىپ، غازاڭ بولغان يوپراقلارنى تۆكەتتى. يۈسۈپ ئورۇننى قويۇپ، غولىچىنى يېيىپ كېرىلدى. ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن كۆل بويى ئۈچ قېتىم ئايلاندى. توختاپ ھال رەڭ تۇس ئالغان كۆلگە باقتى. ئون ئۈچ - ئون تۆت كۈنلۈك بولغان ئاي شولىسى كۈمۈش لېگەنئدەك پارىلداپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئاق يۈزلۈك ئاقبىرا كەلدى. ئۆزىنى جۈرئەتسىز، دەپ ئەيىبلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. «نېمىشقا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئوچۇق ئېيتالمىدىم؟ نېمىشقا كۆڭۈللىرىدە مەن بارمۇ - يوق دەپ سورىيالمىدىم؟ نېمىشقا ئۇنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئاتامغا ئېيتالمايمەن؟ ئولار ماڭا باشقا يەردىن قىز تاپسا، ئۇ چاغدا قانداق قىلىمەن؟…» ئويلىغانسېرى سوئال تۇغۇلۇپ، ئاقبىرانىڭ گۈزەل رۇخسارى ئۇنى شۇنچە شەيدا قىلاتتى. يۈسۈپنى مۇشۇندەم ئاجايىپ بىر ئوتلۇق سېزىم چولغىۋالدى. شۇنىڭدەك تۇتۇق بەرمەس سىرلىق تۇيغۇدىن ھاياجانلانغان يۈرىكى تېپچىلەپ كەتتى. ئاقبىرانىڭ ئۇياتچان نىگاھى، شىكارغا چىققاننى، ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنى، چاي قويۇپ بېرىۋېتىپ قىزىرىپ كەتكىنى تەسەۋۋۇر ئېنىدا كۆرۈنۈپ، ئۆيىگە يېنىپ كىردى - دە، دەرىزىنى قىيا ئېچىپ قويدى. ئاينىڭ ئاق شولىسى ئۇنىڭ يېزىق ئۈستىلىگە چۈشتى. زەڭگەر رەڭلىك سالقىن كۆز كېچىسى يۈسۈپكە شۇنچە گۈزەل، شۇنچە جىمجىت تۇيۇلدى. ئۇ بۆرە تېرىسى سېلىنغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قولىغا پولات ئۇچلۇق قەلەم ئالدى. پەلەكتىن تۆكۈلگەن ئاي نۇرىدەك قەلبىدىن ئېقىپ چىققان گۈزەل تۇيغۇ - ھېسسىياتلىرى ئاق بەتكە تۆكۈلۈپ مىسرا بولۇپ قورلاندى:
قېزىل يۈزى بولدى پەلەكنىڭ سېرىغ، جاھان بولدى ئالتۇن رەڭدەك ئېرىغ.
قۇياش سۇرىتى يۈزگە سېرىق زەپىران، ھاۋا رەڭ شېشىگە پۈركەندى جاھان.
مەشۇقلار قېشىدەك بولۇپ ئاسمان، ھەبەش - زەڭگى تۈسكە كىردى جاھان.
يېدى، ئىچتى، يۇيۇندى، قىلدى ناماز، تۆشەك سالدۇردى، ياتتى ئۇخلاپ بىرئاز.
سېرىق بۇلبۇل ئۈنلۈك گۈزەل سايرىدى، چۆچۈپ ئويغاندى ئۇ، ئۇيقۇ كەلمىدى.
ئويغاق ياتتى بىرئاز قۇلاقنى سېلىپ، ئەجەبلەندى بۇ ئۈنگە ھەيران قېلىپ.
قېچىپ ئۇيقۇسى بەك ئۇزاردى كېچە، تەقەززا بولدى تاڭغا يورۇپ بولغۇچە.
پەلەك يىرتتى كىيگەن قارا كۆڭلەكنى، كۆتۈرۈپ پەرەنجە، ئۇ ئاچتى يۈزنى.
كۈلۈپ باقتى ئۆرلەپ گۈزەل قىز يۈزى، يورۇدى جاھاننىڭ ھەر ئىككى كۆزى.
قۇياش چىقتى ئۆرلەپ، كۆرسەتتى ئۆزىن، يورۇتتى ئادا ھەم دەريالار يۈزىن.
يەنە قوپتى، يۇيۇندى، كىيىندى تۈگەل، ناماز قىلدى، ئۆزگە جورۇپ ياخشى پال…①
① «قۇتادغۇ بىلىك» 4959 ~ 4969 - بېيىتلەر.
يۈسۈپ قەلەمنى قويدى، يازغانلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇدى. ھاياجانى بىرئاز بېسىلىپ، ناماز بامداتقا ئېيتىلغان ئەزانغا قۇلاق سالدى.
— ئاللاھۇئەكبەر … ئاللاھۇئەكبەر! …
ئۇ ئاتىسى، بوۋىسى بىلەن مەسچىتكە چىقتى. نامازدىن يېنىپ ئۆيگە كەلگۈچە ئاقىبرادىن باشقا قىزغا ئۆيلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولۇپ، نەچچە قېتىم ئاغزىنى ئۆمەللەپمۇ گەپنى تېشىغا چىقىرالمىدى. قانداقتۇر بىر سېزىم ئېغىز ئاچۇرمايۋاتاتتى. يەنە بىرنەچچە كۈن ئۆتتى.
بۈگۈنمۇ يۈسۈپ كۆڭلىدىكى گەپنى دېيەلمەي ئىچى تىتىلدىغان پېتى مەدرىسىگە كەتتى.
ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۇستازى ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇمنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆسمۈر تالىپلارغا ئەرەب، پارس تىلىدىن، ئەدەبىيات، مەنتىقە ئىلمىدىن دەرس ئۆتۈشكە باشلىغانىدى. نۇتقى راۋان، پىكرى چوڭقۇر، ھازىر جاۋاب بۇ شاگىرتتىن ئۇستازلىرى ناھايىتى رازى ئىدى.
يۈسۈپ ئوقۇپ بىلگەنلىرىگە زادى قانائەت قىلمايتتى. ئەرەب، پارس تىلىرىنى پىششىق بىلگىچە ئوقۇيدىغان، مۇتالىئە قىلىدىغان كىتابلىرىمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى، دەقىقىنىمۇ بىكار ئۆتكۈزمەيتتى. بۇنداق تىرىشچانلىق روھى مەدرىسىدىكى تالىپلارغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانىدى. مۇزاكىرە، مۇھاكىمە بولغان چاغلاردا، ئۆتكۈر پىكىرلىك بايانلىرىنى ئاڭلاشقا ھەممىلەن خۇشتار ئىدى.
يۈسۈپ ئەپلاتون، سوقرات، ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى ساۋاقداشلىرى بىلەن مۇھاكىمە قىلىشنى مۇستەقىل كۆزقاراش يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى دەپ بىلگەچكە، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قوياتتى، مۇنازىرىلىشەتتى. «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىشتا، ھەدىسلەرنى شەرھلەشتە، تالىپلار ئارىسىدا ئونىڭغا يېتىدىغىنى
يوق ئىدى. ئەرەب ئالىمى ئالگېبرانىڭ ھېساب ئىلمى توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىنى، ئىلمىي نۇجۇم، كىمياگەرلىك، تەبىئەتشۇناسلىق بابىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەنىدى. بىلمىگىنىنى سوراشتىن ئۆزى تارتمايتتى، بىلگىنىنى بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىشتىن زېرىكمەيتتى. بولۇپمۇ، ئۆزى بەكرەك قىزىقىدىغان پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ پەنلىرىنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسى بىلەن باغلاپ پىكىر يۈرگۈزەتتى، مۇھاكىمە قىلاتتى، «نېمە ئۈچۈن؟»، «نېمە سەۋەبتىن؟» دېگەن سوئاللار ئۇنىڭ كاللىسىغا ئارام بەرمەيتتى. ھەربىر سوئالغا جاۋاب تاپقاندا، بىر سىر يېشىلگەندەك، ھېكمەت بېغىدىن بىر ئىشىك ئېچىلغاندەك بىلىنەتتى. كۆپ سوئاللارغا جاۋاب تاپقان يۈسۈپ سۆيگەن يارنىڭ ۋىسالىغا قانداق يېتىشنىڭ جاۋابىنى تاپالماي قىينالماقتا ئىدى.
ئۇ بۈگۈن كەچ مەدرىسىدىن يېنىپ ئۆي ئالدىغا كەلگەندە، ئۇزاپ چىقىۋاتقان قارا پەرەنجىلىك ئايال بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. يۈسۈپ ئاتتىن چۈشۈپ تۇرۇشقا، چۈمبىلىنى قايرىغان ئايال كۈلۈمسىرەپ سالام بەردى.
— ھارمىغايلا، بالام، ئوقۇشتىن يانغان ئوخشىماملا؟
يۈسۈپ ئۇنىڭ بۈدۈرەچ موماي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ كۈندىك ئانىسىغا قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بەردى:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم موما، ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟ ئاشانبوۋا بوۋام تېمىنمۇ؟
— ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئوبدان تۇرۇۋاتىمىز، ئاشان بوۋاڭلار يېرىغان چىغىدا باغدىن چىقمايدىغان بولۇۋالدى، تىنىم تاپمايدۇ، — موماي ئۆزىنى ئۆزۈتۈپ چىققان يابىرا بىلەن كۆز سوقۇشتۇرۇۋېلىپ، يۈسۈپكە قاراپ باش لىڭشىتىپ كۈلۈپ قويدى — دە، — ئاللا سىلىنى تىلىگەن بەختلىرىگە يەتكۈزىدىغان بولدى بالام، — دەپ ئېتتىك يۈرۈپ كەتتى.
يىگىرمە بىرىنچى باب: كېچە كۆز ئاخشىمىدا ئوقۇلغان نىكاھ
كۈز ئاخىرىدا ئوقۇلغان نىكاھ
1
بۇدراچ موماينىڭ يۈسۈپكە قاراپ كۈلۈشى مەنىسىز ئەمەس ئىدى. ئۇ مەسلىھەت بويىچە، يۈسۈپكە ۋاپادار قىز، رەيھاندىن، يابىرلارغا مۇناسىپ كېلىن تېپىش غېمىدە، نەچچە كۈندىن بېرى چاچ تارغۇچى ئايال سىياقىدا كوچىمۇكوچا كېزىپ، بارمىغان مەھەللە، كىرمىگەن ئۆي قالمىغانىدى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، بەگبۇقا مەھەللىسىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى بالاقىشقا ئەگىمە چىقىرىلغان توچ ھالقىلىق دەرۋازىغا كۆزى چۈشۈپ توختاپ قالدى. «بۇ كىمنىڭ ئۆيدۇ؟ ئەجەب بۇ چاغقىچە كىرىپ باقمىغان ئىكەنمەن» دېگەن ئوي كۆڭلىدىن كەچتى. كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ بۇ مەھەللىدە تۇرۇۋاتقانچاقا، ئۇنىڭ كىرمىگەن ئۆيى قالمىغاندەك ئىدى. قايسى ئۆيدە قانچە ئوغۇل - قىز بار؟ ئۆجۈر - بۈجۈرىگىچە بىلەتتى. بەلكىم بۇ ئۆيگىمۇ كىرگەندۇ، ئۇ شۇنچە ئويلاپمۇ ئېسىگە ئالالمىدى. قول چىغىدىن باشلاپ يۈسۈپكە ھەم ئېمىكدان، ھەم باققۇچى بولغاچقا يۈسۈپنى ئۆز ئوغلىدىن چارە كۆرەتتى. قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭغا ئاتاپ تىككەن دوپپا، كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ ھېيت - ئايەم كۈنلىرى كىيدۈرۈپ قوياتتى. پات - پات بېغىغا ئېلىپ بېرىپ سەير قىلدۇراتتى. يۈسۈپمۇ بۇ ئېمىكدانىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ھۆرمەتلەيتتى، ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئالاھىدە بېرىپ
يوقلاپ كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈدۈرەچ موماي «بەگىيۈسۈپكە لايىق لەھەن قىزنى تاپماي قويمايمەن» دېگەن ئىشەنچ بىلەن، نەچچە كۈندىن بېرى نۇرغۇن ئۆيلەرگە كىرىپ - چىققان بولسىمۇ، ئۆزى ئويلىغاندەك قىزنى تېخى يولۇقتۇرمىغانىدى، مۇشۇ تۈپەيلى كۆڭلى يېرىم ئىدى.
بۈدۈرەچ موماي «بۇ ئۆيدىمۇ تايىنلىق مەن ئىزدەۋاتقان ساھىبجامال يوق» دەپ، بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ يەنە قايرىلىپ ئاشۇ ئىشىككە باقتى. نېمە ئۈچۈندۇر ئاشۇ ئۆي ئۇنى ئۆزىگە تارتىپلا تۇراتتى. ئاخىرى ئۇ «بەخت بۇ ئۆيگە يوشۇرۇنغان بولمىسۇن يەنە» دەپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدى - دە، توچ ھالقىنى قاقتى. ئىشىك ئاستا ئېچىلدى. سۈمبۈل چاچ قىز ئۇنىڭ ئالدىدا نامايان بولدى …
بۈدۈرەچ موماي بۇ ئۆيدىن چىققاندا، جامائەت ناماز پېشىنندىن يانغانىدى. ئۇنىڭغا پۈتۈن جاھان كۈلۈۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ناھايىتى خۇشال ھالدا، بەگتۆمۈر قورۇسىغا كىرىپ كەلدى.
— تاپتىم، جاھان رەنا لىرى ئىچىدىكى رەنانى تاپتىم، — دېدى ئۇ ئالدىغا كەلگەن يابراغا، — تاپتىم، ئۇ شۇنداق لەھەنكى …
— توختىسىلا بۈدۈرەچ ئاپا، ئۇ كىمنىڭ قىزى ئىكەن، ساۋاتلىقمىكەن، تۈشۈكى ① قانداقراق ئىكەن؟ — دەپ سورىدى يابرا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
بۈدۈرەچ موماي ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپلا كەتتى:
— بۇ قىزنى جەننەتتىن چىققان ھۆرمىدۇ، دەپ قالدىم، يابرا خېنىم. بويى پۇتاقسىز ئۆسكەن ئارچا كۆچىتىنىڭ ئۆزى، شۇنداق نازۇك، كۆزلىرى چولپان يۇلتۇزنىڭ شۇلىسى چۈشكەن قوش بۇلاق. يۈزىنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك، ئاقلىقىغا يارىشا، بوستان چاچلىرى شۇنچە قارىكى، ئۇنىڭ زىبا بەستىدە
① تۈشۈكى — ئۆي تۇتۇش ۋە تاماق ئېتىشنى بىلدۈرىدۇ.
كۈندۈزنىڭ يورۇقى بىلەن كېچىنىڭ سىرلىق قاراڭغۇسى ھەمىشە بېقارار ئىكەن. كىيگەن كىيىمى كېلىشكەن قامىتىگە شۇنداق ماس كەلگەنكى، قىلچە ئەيىبى يوق. پەي قىستۇرۇلغان چىمەن دوپپىسى قارا چاچلىق بېشىغا تۇزنىڭ تاجىدەك يارىشىپتۇ. قايرىما چوق ياقىلىق ئەتلەس كۆڭلىكى، زىبا قامىتىنى چېچەكلەنگەن ئالما دەرىخىدەك گۈزەللەشتۈرۈۋېتىپتۇ. يېشىل مەخمەل جىلىتكىسى كۆتۈرۈلگەن كۆكسىنى يوشۇرۇپ، ئەۋرىشىم بېلىنى بىر تۇتاملا قىلىپ قويۇپتۇ. ساغرىسى، تېپىمى، ئاياغلىرىنى دېمەيلا قوياي، ئاغىچا خېنىم. ھايا قىلىپ ئۆزىنى ئاپتاپقىمۇ كۆرسەتمەيدىكەن. نۇرلۇق چېھرى ئېچىق يۈزىدەك قىزىرىپ تۇرىدىكەن. بۇنداق خوش پىچىم نازىنىن قىزنى ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغانىكەنمەن. شۇنداق مېھرى ئىسسىق، كۆرۈپلا ياق تۇرۇپ قالدىم …
— بىلدىم، بۈدرەچ ئابا، چىرايلىق ئىكەنلىكىگە قايىل بولدۇم، — دەپ يابىرا ئۇنى سۆزىدىن توختاتمىغان بولسا موماي گېپىنى قىلماقچى بولاتتى، يابىرا ئۇنى ئايۋانغا باشلاپ كۆرپىدە ئولتۇرغۇزدى، يېڭى قايناتقان شاتۇت شەربىتىنى قويۇپ بېرىپ سورىدى، — ساۋاتى بارمىكەن، بۇنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟
— بىلدىم، ئاغىچا خېنىم. ئانىسى ناھايىتى نازاكەتلىك قوشناچىم ئىكەن. «ئەجەب ئوبدان چاغدا كېلىپلا، قىزىمنىڭ چېچىنى تاراپ قويسىلا، بىرنەچچە كۈندىن بېرى بالا ئوقۇتۇش بىلەن بولۇپ چولام تەگمىدى» دەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىغا كىرىپ كەتتى. قورۇسى چوك بولۇپ، ئىچكىرى — تاشقىرى ھويلىسى بار ئىكەن. مەن ئىچكىرى ھويلىنىڭ تال باراڭلىق سۇپىسىدا قىزنىڭ چېچىنى تاراپ، ئون بىر ئۆرۈم قىلىپ ئۆرۈپ قويدۇم. قىز ئۈنمىگىنىمغىمۇ قويماي، بىردەمدىلا ئۆيگە چۈپ ئۆتۈپ چىقتى. ۋاي — ۋاي، شۇنداق يېپىشقاق، شۇنداق لەززەتلىك بوپتۇكى، قانداق يەپ بولغىنىمنى بىلمەي قالدىم. تۈشۈك ئىشلىرىدا پىشقان، قولى تاتلىق قىز ئىكەن. دەمىگەن
شېرىن چېيىنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ سوراپ بىلدىمكى: ئاتىسى ئوردۇكەنتلىك ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن ئىكەن، ئانىسى ئوردۇكەنتلىك باينىڭ قىزى ئىكەن. ئاتا - ئانىسىدىن ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىپتۇمىش. قانداق ئىكەن ئاغىچا خېنىم؟ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەندەك، بەگىيۈسۈپ بالامغا بۇ قىزدەك خىل كېلىدىغىنى يوق …
يابىرا بودراچ موماينىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇ قىزغا غايىبانە ئاشىق بولۇپ قالدى، رەيھاندىنمۇ ناھايىتى خۇش بولدى. ئاتا - ئانىسى، قۇدىلارمۇ ئۇ قىزنى يۈسۈپكە مۇناسىپ دەپ قاراپ، توي قىلىشقا ماقۇل بولۇشتى …
بودراچ موماينىڭ يۈسۈپكە قاراپ كۈلۈمسىرىشى ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدى.
ئانىسى بىلەن ھويلىغا قايتىپ كىرگەن يۈسۈپ سورىدى:
— بودراچ مومام بەك خۇشالغۇ، ئاپا. بويانقار ئاكام يەنە پەرەزەنتلىك بولغان ئوخشىمامدۇ؟
— ھېلىمۇ بويانقار ئاكاڭ ئۈچ پەرەزەنتلىك بولدى، بالام، موماينىڭ خۇشاللىقى ئۇ ئەمەس، باشقا بىر خاسىيەتلىك ئىشقا خۇش بولۇۋاتىدۇ.
— ئۇ قانداق خاسىيەتلىك ئىش، ئاپا؟
— توي ئىشى، بالام.
— ئاچامنىڭ تويى ئىشمۇ؟
— ياق، سېنىڭ، ئوغلۇم.
يۈسۈپ ئېلىدە قىزىرىپ، زوۋان سۈرمەي ھۇجرىسىغا كىردى. «ماڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قايسى قىزدۇ؟» بۇ سوئال ئۇنى كېچىچە ئۇخلاتمىدى، سەھەرگە يېقىن كۆزى ئىلىنىپلا چۈش كۆردى: يۈسۈپ كۆل بويىدا تۇرغانمىش، يېشىل روماللىق بىر پەرى ئۇچۇپ كەلگىنىچە يېنىغا چۈشكەنمىش. ھەيران بولغان يۈسۈپ پەرىنىڭ يۈزىنى توسۇپ تۇرغان رومالنى قايرىپ:
«ئاھ، سىلى ئاقبىرا ئىكەنلىغۇ، مېنى ئىزدەپ كەلدىلىمۇ؟» دەپ سوراپتۇدەك. قىز يىغلامسىراپ: «بىر ھەپتىدىن كېيىن تويۇم بولىدۇ، سىلىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قوياي دەپ كەلدىم» دېگەنمىش. «بۇ راستمو - ھە، كىمگە ياتلىق بولغۇدەكلا؟» دەپ سورىغان يۈسۈپ، ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ ئويغىنىپ كەتتى.
«ئەجەپ چۈش كۆرۈپتىمەن-ا» دەپ ئەجەبلەندى يۈسۈپ ۋە ئەنسىرەپ قالدى، «ئاقبىرا كىمگە ياتلىق قىلىنار، تويۇم بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدۇ؟» ئۇ دېرىزىدىن كۆكتە چاقناپ تۇرغان چولپانغا كۆز سالدى. كۆكنى قاپلىغان يۇلتۇزلار ئۇنى مازاق قىلغاندەك جىمىرلايتتى، بىردىنلا يۈرىكىگە يىڭنە سانجىلغاندەك بولۇپ زىڭىلداپ كەتتى. «ماڭا زادى كىمنى ئېلىپ بەرمەكچىسىلەر؟» دەپ ئاتا - ئانىسىدىن سورىغۇسى كەلدى ئۇنىڭ، بىراق ئېغىز ئاچماق ئاسان ئەمەس ئىدى.
رەيھاندىن ئوغلىنىڭ شۈكلىشىپ قالغىنىنى كۆرۈپ: «ئۇياتچان بالا - دە، بۇ ئوغلوم. ئۇياتسىز پەرەزەتكە ئاتا بولۇپ قېلىشتىن خۇدا ئۆزى ساقلىسۇن. ئۇياتسىزدا ھايا، نومۇس، ئىرادە، ياخشى نىيەتمۇ بولمايدۇ. ئوغلۇم نومۇسچان، ئىبادەتلىك يىگىت بولدى، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن بىلىم تەھسىل قىلماقتا، ئاللا ئۇنى زاماننىڭ داناسى قىلغايسەن! تويىنى خەيرلىك قىلىپ، ۋاپادار مەھبۇبقا يار قىلغايسەن!» دەپ ئىلتىجا قىلدى.
ياسىن ئوغلى ئۈچۈن ئاتاپ سالدۇرغان باغدىكى ئايۋان، دەھلىزلىك ئۆينىڭ سوۋاق، گەجلىرىنىڭ تېزىرەك تاماملىنىشى ئۈچۈن، ئوردىدىن كېلىپلا ئۇستىلارغا كۆز - قۇلاق بولۇۋاتقان ئېرى ۋە قورۇدىكىلەرنىڭ تاماقنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش ھەلەكچىلىكىدە ئاشخانا، ئىككى ھويلا ئارىلىقىدا قاتراپ، كۆنلىرىنى سەۋرسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
زەمىران ئانا بۈگۈن ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىنلا، ئادامتۇغرۇلنىڭ رەپىقىسى ئارازان ئاغىچا، ئاچىسى سەمىچە ئاغىچىلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، بودراچ موماي بىلەن بىللە ئەبۇ
587
پۈتۈن مەھەللىنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە ماڭدۇردى. ئۇلار بىر چوقا پەتنۇسقا ئېلىنغان توقاچ ئۈستىگە ئاق ھېلىھەم رومالنى قويۇپ يۆگەپ، دېدەك ئايالغا كۆتۈرتۈپ چىققانچە، ئېگىز چاقلىق ھارۋىغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.
يابىرانىڭ ئۇلارنىڭ يولىغا تولا قاراپ كۆزلىرى تۆت بولدى. زەمىران ئانا بەگتۆمۈر بىلەن ئىچكىرى ھويلىدىكى ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتكەي، كۆل بويىدىكى سوپىدا كۆز ئاپتىپىغا قاقلىنىپ ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. چۈشتە كەلگەن رەيھانىدىنمۇ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جاۋابنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ خېلى كۆتكەن بولسىمۇ، كەلمىگەندىن كېيىن ئوردىغا كەتتى. يۈسۈپ خامۇش ھالدا كېلىپ، چۈشلۈك تاماقنى تۇزۇكمۇ يېمەي، خامۇش ھالدا مەدرىسىگە ماڭدى.
«بۇ بالا ئەجەب شۈكلىشىپ كەتتى، كۆڭلىدە بىرەر قىز بولسا بىزگە ئېيتالماي ئازابلىنىۋاتامدىكىن؟ كەچتە بىر سۆزلىشىپ كۆرەي» دەپ ئويلىغان يابىرا يەنە ھويلا ئىشىكىگە قارىدى. كۈن نۇرى قىيا ئوچۇق ئىشىكنىڭ توچ ھالقىلىرىنى چاقنىتىپ، ئالما دەرىخىنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرغان تامغا ياماشقانىدى. ئۇ ياشلانغان كۆزىنى ئىشىكتىن ئېلىپ، يۇغان بىر قوچۇننى كۆتۈرۈپ باغدىن چىققان قىزتۇرمۇشقا باقتى.
— ئارچۇن نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، قىزىم؟
— دېدەكلەر بىلەن بەگىيۈسۈپ ئۆكامنىڭ ئۆيىنى تازىلاۋاتىدۇ، — قىزتۇرمۇش قوچۇننى سوپىدا قويدى.
— توي سوۋۇلۇپ بولدىمۇ؟
— ھەئە، گەجەكمۇ قىلىنىپ بولدى. مەن بوۋاملار چاڭقاپ قالمىسۇن دەپ بۇ قوچۇننى گەمدىن ئەكەلدىم.
بەگتۆمۈر يېنىدىن ئايرىلمايدىغان قەلەمترەچنى غىلىپىدىن ئېلىپ، قوچۇننى پىچىپ تۇرۇشقا، بودراچ موماي ئاغىچىلار بىلەن كىرىپ كەلدى.
— سۆيۈنچە بېرىسەن يابىرا خېنىم! — دەپ يۆگەكلىك
پەتنۇسنى سوپىدا قويۇپ ئاچتى. ئېگىشىپ قارىغان بەگتۆمۈر، زېمىران ئانا پەتنۇسقا سەپشىلىپ، يابىراغا قارىدى:
— قىزىم، بۇ ئۈچەيلەنگە ئېسىل سۆيۈنچە بېرىسەن، ماقۇل جاۋابىنى ئېلىپ كەپتۇ.
— ماقۇل، ئاتا، — پەتنۇسنى يۆگەپ كۆتۈرگەن يابىرا ئاغچىلار بىلەن بودراچ موماينى مېھمانخانىغا باشلىدى، داستىخان سېلىپ چاي قويدى.
بۇ ئۈچ خوتۇن ئېلىپ بارغان بىر پەتنۇس توقاچ تويغا چاقىرىلىدىغان مېھمانلارنىڭ يۈزىنى بىلدۈرەتتى. ئاق ھېلىلە رومال بولسا، قىزنىڭ تويدىن كېيىن مەستۇرە بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت ئىدى. ئەگەر قىزلىق تەرەپ ئوغۇللۇق تەرەپنى قوبۇل كۆرمىسە، ئەلچىلەردىن داستىخاننى شۇ پېتى قايتۇرۇۋېتەتتى، قوبۇل كۆرسە، رومال، نانلارنى ئېلىپ قېلىپ، ئالاھىدە ئېتىپ تونۇردا تاۋلاپ پىشۇرغان بىر شىرمە نان بىلەن ئاق شاھى بەلباغنى داستىخانغا سېلىپ بېرەتتى.
يابىرا يۆگەكلىك پەتنۇسنى ئېلىپ تەكچىگە قويۇپ قويدى. ئۈستىدە بىر يۇغان شىرمە نان بىلەن ئاق شاھى بەلباغ بار ئىدى.
«بېشى باغلاقلىق» دەپ داستىخاننى قايتۇرۇۋەتسە قانداق قىلاتتۇق؟» دەپ قىزىرىپ پىشقان شىرمە نان بىلەن ئاپپاق ھېلىلە رومالدىن كۆزىنى ئالالمىغان يابىرا پىچىرلىدى:
— رەھمەت ھەربىرىڭگە، قۇتلۇق قەدەملىرى زايە كەتمەپتۇ.
— ھاجىبۇل ھوججاپ رەيھاندىنبەگنىڭ ئوغلى بولغان بەگىيۈسۈپتىن، ئالىم، زەردار، يابغۇلار توگۇل، قاراخانمۇ قىزىنى ئايىماس، يابىرا خېنىم. بىزنى بۇنداق ساۋابلىق ئىشقا جورىغانلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە تەشەككۈر، — دېدى ئارازان ئاغىچا كۈلۈمسىرەپ.
— تەشەككۈر، تەشەككۈر، — دېيىشتى سەھىچە ئاغىچا بىلەن بودراچ موماي.
— توي تەييارلىقىغا كىرىشكىنىمىزگە يارىشا، ماقۇل جاۋابنى ئېلىپ كېلىشكىلىرى مېنى غايەت خۇشال قىلدى، — يابىرا يەنە بىر قېتىم ھەشقاللا — رەھمەت ئېيتتى. سۆيۈنچىگە تەييارلاپ قويغان ئۈچ قاما تۇماقنى خانىسادىن ئېلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى.
— بەگىيۈسۈپنىڭ ئاتىسى كاشغەردىن ئېلىپ كەتكەن، سۆيۈنچىگە ئەرزىمىسىمۇ قوبۇل قىلىشقايلا.
— ھەشقاللا، بەك جاۋاپ كېتىپتۇلا، — بودراچ موماي ئورنىدىن تۇردى، ئىككى ئاغىچىمۇ دۇئا قىلىپ كېتىشكە تەمشەلدى.
— ئولتۇرۇشسىلا ئاغىچىلىرىم، تاماق پىشاي دەپ قالدى، — يابىرا ئۇلاردىن رەيھاندىن ئوردىدىن كەلگۈچە ئولتۇرۇپ تۇرۇشنى ئۆتۈندى.
— قوشنىچىم ھاۋاخان ئاغىچا ئۈنىمىگىنىمىزگە قويماي، ئارقا — ئارقىدىن تاماق قىلدى، قورسىقىمىز توق. ئەتەگەن — كەچلەردە كېلىپ توي ئىشىنى قىلىشىپ بېرىمىز، رۇخسەت قىلىسىلا، — دەپ ئورنىدىن قوپقان ئاغىچىلار ئۇزاپ ماڭدى، بودراچ موماي قالدى.
«ئەمدى ئوغلۇم كەلسە، ئۇنىڭ خامۇش بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى بىلىپ باقاي. ئاتىسى سورىسا، تارتىنىپ كۆڭلىدىكى گەپنى دېيەلمەسلىكى مۇمكىن، ماڭا بىلدۈرسە ئەجەب ئەمەس» دەپ ئويلىغان يابىرا باغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى يۈسۈپكە ئاتاپ سېلىنغان ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي مۆتىدىل دەرەخلەر ئىچىدە ئاقىرىپ تۇراتتى.
ئۇ ۋالىلداپ تۇرغان دېرىزە تۈۋىدە چاكوم ئويناۋاتقان ئارچۇن، قىزتۇرمىش بىلەن ئىككى دېدەكنى كۆرۈپ مەستلىكى كەلدى.
— بالىلىرىم، ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرىمىز دەپ چاكوم ئويۇنغىلى تۇرۇپسىلەرغۇ، — دېدى يابىرا يېقىنلاپ كېلىپ.
دۆرىدە تۇرۇشقان قىزلار ئېگىلىپ سالام بېرىشتى. — ئاپا، قارىسىلا، تازىلاپ چىنەدەك قىلىۋەتتۇق، ئەمدى بېسات سېلىپ بېزىسىڭىز شاھزادىنىڭ قەسرىدەك كۆركەم بولۇپ كېتىدۇ، — دېدى ئارچىن بۇتا كۆزلىرىنى ئوينىتىپ. ئۇ سوپۇرۇپ سۇ چېچىپ كۆك مۇز قىلىۋەتكەن ئۆي ئىچىنى كۆرسەتتى، — پەردىلەرنىمۇ تارتىۋەتتۇق، ئۆكامغا يارىسا بولاتتىغۇ. يەلپۈنۈپ تۇرغان ھاۋا رەڭ پەردىلەر ئۆيلەرگە خۇيمۇ ياراشقانىدى. — ئۆكۈڭلارغا يارايدۇ، قىزىم، يارىمامدىغان، — يابىرا ئارچىننىڭ قولىدىن تارتىپ «تويۇڭنى قىلىۋەتسەك بولاتتى قىزىم» دېگەن مەنىدە باغرىغا باستى. ئارچىننىڭ روھىي ھالىتىدە «مېنىڭ تويۇم بالدۇر بولۇشى كېرەك ئىدى» دەيدىغان ئاچچىقلىنىش، خىجىللىق كۆرۈنمەيتتى. توينىڭ ئارقىغا سۆرۈلۈپ كېتىۋاتقىنىدىن غەم يېمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ توي قىلىشقا ئالدىرىماسلىقى سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى. ئىچىسى ئايتىمىشنى دەريا بويىدىن بوزاغۇ تويۇقسىز بولاپ كەتكەندە، ئۇ ناھايىتى قورقۇپ كەتكەنىدى. نارسېدىنىڭ سەبىي قەلبىدە شۇ كۈندىن باشلا ئەر زاتىغا بىر ئۆچمەنلىك پەيدا بولغانىدى. «ئەرلەر شۇنداق ياۋۇز بولىدىغان بولسا، ھەرگىز ياتلىق بولمايمەن» دېگەن ئوي كۆڭلىگە ئورناپ قالغانىدى. يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئاشۇ ئوي كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. شۇڭا، نورۇز مەركىلىرىدە، ھېيت — ئايەملەردىكى سورۇنلاردا ئۆزۈپ چىققان يىگىتلەرگىمۇ ياشلىق تاشلىمىدى، گۈلمۇ تۇتۇپ بەرمىدى. كىتاب ئوقۇشقا، شىكارغا بېرىلگەن بۇ قىز ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش، قىلىچۋازلىق قىلىش، نەيزە سانجىش، سالما تاشلاشنى مەشىق قىلىپ شۇنداق ماھىر چەۋەنداز بولۇپ كەتتىكى، ئوق ئۆتسىلا، ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇش ئامان قالمايتتى، ئاتلىق قوغلاب يۈرۈپ قاژان — تۈلكىلەرنى پارە —
پاره قىلىۋەتەتتى، ھەتتا يىراقتىن نەيزە ئېتىپ ئېيىقنىمۇ يىقىتاتتى. شۇڭا، يۈسۈپتىن ئەيمەنمەيدىغان دەدەكلەر ئارچۇندىن تەپ تارتاتتى.
يابىرا قىزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەتتى، ئۇنى بۈگۈ بەلگە، ئالىپ يىگىتكىلا مۇناسىپ دەپ قارايتتى. بۇ ۋاقىتقىچە ئۇنى سوراپ كەلگەن جەمەتلىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى، ئوغۇلنىڭ قابىلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ھېچقايسىسىنى قىزىغا مۇناسىپ كۆرمىگەنىدى. ئارچۇنمۇ بىرەر سۆز - ھەرىكىتىدە توينى قىلىش توغرۇلۇق بېشارەت بەرمەي كېلىۋاتاتتى.
رەيھاندىن ئاتا - ئانىسىنىڭ زورى بىلەن يۈسۈپنىڭ توينى قىلىۋەتمەكچى بولغاندا، بۇنىڭدىن ئارچۇن ناھايىتى خوشال بولدى ۋە تەشەببۇسكار ھالەتتە ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ بېزەشكە كىرىشكەنىدى.
— قورساقلار ئاچقاندۇ، بالىلىرىم، تاماقتەييار بولدى، يەۋېلىڭلار، — دېدى يابىرا قىزلارغا، — توي بۈگۈن بولمىغاندىكىن، قالغان ئىشنى ئەتە - ئۆگۈن قىلساقلارمۇ ئۈلگۈرىسىلەر.
— ماقۇل، ئاپا، بىزمۇ ھېرىپ قالدۇق، — ئارچۇن قىزتۇرمىشنىڭ قولىدىن تارتتى، — يۈرگىن ئاچا، ئاپامنى ساقلىتىپ قويمايلى.
— بالىلىرىمدىن خەۋەر ئېلىپ ئاندىن باراي، — دېدى قىزتۇرمىش ۋە باغنىڭ يەنە بىر چېتىدىكى ئۆيىگە ماڭدى. ئۇنىڭ بىر قىز، ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
— قىزىم، بالىلارنىمۇ ئېلىپ چىقسىلا، نەۋرىلىرىمنى كۆرگۈم كەلدى.
يۈسۈپ نامازدىگەردىن يانغان مەھەللىدە كەلدى. ئۇ ئاتىسى، ئانىسىنىڭ ناھايىتى خوشال ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، سالام بېرىپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.
— بالام، تاماق يەۋالسىلا، — دېدى كەينىدىن كىرگەن يابىرا.
— يېگۈم يوق، ئابا. — نېمىشقا، بالام؟ — كۆڭلۈم تارتمايۋاتىدۇ. — ئاغرىپ قالمىغانلا ھە، بالام؟ — ياق، ئابا. يابرا يۈسۈپنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. — بالام، تويلىرىنى قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلگەنلىرىدىن كېيىن كەم سۆز، خامۇش بولۇپ قالدىلا. نېمە بولدىلا، كۆڭۈللىرىدىكىنى دەپ باقسىلا؟ — ئابا، ئۆيلەنگۈم يوق، — پىچىرلىدى يۈسۈپ. يابرا چۆچۈپ كەتتى. — نېمىشقا، بالام؟ يۈسۈپ زۇۋان سۈرمىدى. «مەن ئاقبىرانى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا قىزغا ئۆيلەنگۈم يوق» دېسىلا ھەممە ئىش ئايدىڭلىشاتتى. لېكىن، ئۇ: — مېنىڭ سىلەر تاپقان ئۇ قىزغا ئۆيلەنگۈم يوق، — دېدى. — بۇنداق دېمىسىلە، بالام. ئاتا ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ بولغاندا يېنىۋالساق قانداق بولىدۇ. ئۇ كاتتا بۈگۈ بەگنىڭ قىزى ئىكەن. يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئانىسىغا ئەجەبلەنگەن ھالدا قارىدى. — ئېتى نېمە ئىكەن ئۇ قىزنىڭ؟ — مۇرادىمە. يۈسۈپنىڭ غەمكىن چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈردى، ئۇ بالا چاغدىكىدەك بېشىنى ئانىسىنىڭ قوينىغا قويدى.
2
بالاساغۇن ئاسمىنىغا قۇياش كۆتۈرۈلدى، بەگتۆمۈر قورۇسىغا
ئاپتاپ چۈشتى.
رەيھانبانۇنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل، ئاشانبۇقا ئەتەنگەندىلا ئەبو يۈسۈف مەخدۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تويلۇق توغرىسىدا پۈتۈشتى، توي كۈنىنى بېكىتتى ۋە چۈشكە يېقىن قايتىپ كەلدى. تويلۇققا ئىككى ياشلىق كۆندۈرۈلگەن تاي، توققۇز تال ئوقى بىلەن يا، دۇدۇم، يىپ، يىپەك رەختتىن ئۈچ قۇر كىيىم، بىر تىزىق مارجان، بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك، بىر جۈپ ئۈزۈك، ئالتۇن زىرە، ھالقا، ئۆتۈك قاتارلىق نەرسىلەر سېلىنىپ، ئۆمۈردە بىر قېتىم ھەرەمگە ئېلىپ بېرىش، ئوردۇكەنتنى سەيلە - ساياھەت قىلدۇرۇش، دەپ يېزىلغانىدى.
بەگتۆمۈر، رەيھانبانۇلار بۇ تويلۇقنى قوبۇل كۆرۈشتى.
توي يىغىم - تېرىم تۈگىگەن كۈزنىڭ ئاي بېشى — دۈشەنبە كۈنى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى، بۇنىڭغا يەنە يەتتە - سەككىز كۈن بار ئىدى.
توي تەييارلىقى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. يۈسۈپ ئوقۇشقا بېرىۋەرگەن بولسىمۇ، توي كۈنىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىگە شۇنچىلىك تەقەززا بولدىكى، بىر كۈن بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ، يەتتە كۈننى تەستە ئۆتكۈزدى. ئونىڭ ئەكسىچە، ئاقبىلا تويى بولىدىغانلىقىنى ئانىسىدىن ئاڭلىغان كۈندىن بېرى ئىشق - پىراقتىن پۇچىلىنىپ، ئاپتاپتەك نۇرلۇق چىرايى غەم بۇلۇتى قاپلىدى. يۈسۈپنىڭ كېلىشىنى شۇنچىلىك خالىدىكى، ھويلا ئىشىكى غىچ قىلسا، چاچراپ تۇرۇپ كېتەتتى، چىقىپ باشقا كىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، مەيۈسلىنىپ قايتىپ كىرەتتى. «توي بولۇشتىن بۇرۇن مېنى ئېلىپ قېچىپ، ئوردۇكەنتكە كەتسەيلى» دېمەكچى بولۇپ شۇنچە كۈتسىمۇ، يۈسۈپ قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. كېلىپ قالار، دەپ كۈتكەنسېرى، كۈنلەر شۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتتىكى، ئاقبىلاغا بىر سائەتچىلىكمۇ بىلىنمىدى. غەم بېسىپ شۈكلىشىپ قالغان قىز مىجەزىم يوق، دەپ
خانىسىدىن چىقمىدى، ئاتا - ئانىسى ھەرقانچە قىلىپمۇ قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىدى. تېپىلىقتىن خەۋىرى بولغان ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم قىزىنىڭ سارغايغان چېھرىگە زېھن سېلىپ، سۇس، ئەمما تېز سوقۇۋاتقان تومۇرىنى تۇتتى، «ئىشق كېسىلى» ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىپ ئۈن چىقمىدى، خانىسىغا قايتىپ چىقىپ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ھاۋاخان ئانىچىغا ئاستا دېدى:
- خوتۇن، قىزىمىزغا مۇھەببەت شامىلى دارىغاندەك قىلىدۇ. سوراپ باقتىڭمۇ، ئۇنىڭ ئىشقى كىمگە چۈشكەنكەن؟
- قىزىمدىن سورىغۇدەك بولمىدىم. مەنمۇ بەگىيۈسۈپكە كۆڭلى بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن. باشقا كېسەل ئەمەستۇ - ھە؟ - ھاۋاخان ئانىچىا ئېرى بېشىنى چايقىغاندىن كېيىن ئۇھ تارتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - قىزىم بەك ھايالىق. كىمگە ياتلىق بولۇشىنى مەندىن سوراشتىنمۇ تارتىنىپ كېسەل بولۇپ كەتكەن گەپ، ئاتىسى. ئەمدى ئېيتىمسام بولمىغۇدەك.
- ئۇ ئۆزىنىڭ بەگىيۈسۈپكە ياتلىق قىلىنىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەپتۇ - دە؟
- ھەئە. يۈزى قېتىپ قالمىسۇن دەپ ئېيتىمىدىم، ئاتىسى، ئەمدى ئېيتىي.
- ياق، ئانىسى، ئېيتماي تۇرۇسلا، بىر كۈن قالدى، مۇھەببەت قانچە يوشۇرۇن بولسا شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ. كۆز بىلەن ئىزھار قىلىنغان ساپ مۇھەببەتنى ئېغىز بىلەن ئاشكارىلاپ چاكىنلاشتۇرۇۋەتمەيلى. نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكى شۇ يەردىكى، ئۇ يىگىت - قىزغا ھەقىقىي مۇھەببەتنى بېخىش ئېتىدۇ، خۇددى بىزگە بېخىش ئەتكەندەك. يامغۇردىن كېيىن ھەسەن - ھۈسەن پارلىغاندەك، قىزىمىزنىڭ مۇھەببىتىنىڭ نىكاھتىن كېيىن ئاشكارىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئەگەر قىزىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى يىگىت بەگىيۈسۈپ بولماي قالسىچۇ؟ - ھاۋاخان ئانىچىا ئېرىگە سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ ئېغىر تىندى.
— ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئانىسى. قىزىمىز بەگىيۈسۈپنى ياخشى كۆرىدۇ، بەگىيۈسۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق. قارىغاندا، بۇ يىگىت قىزىمىزغا ئۆيلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. بىرنەچچە كۈندىن بېرى مېنى كۆرسە ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپ يەرگە قارىۋالىدىغان بولدى. قىزىمىز بولسا ئۆزى ياتلىق بولىدىغان يىگىتنى بىلەلمەي ئازابلىنماقتا. ئۇنىڭمۇ ئازابىنى ھازىرلا يېنىكلىتىش مۇمكىن، لېكىن نىكاھ بولغۇچە سەۋر قىلىشى، ھىجران ئازابىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، ئانىسى. سىلى ئۇنىڭ يېنىدىن نېرى بولمىسىلا، نىكاھ ئوقۇلغۇچە ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىسۇن. قىز بالا ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرىدۇ، تولا يىغلاپ ئۆزىنى ئازابلىماسلىققا كۆندۈرسىلە.
— ماقۇل، ئاتىسى، مەن قىزىمىزنىڭ يېنىغا چىقاي، — دەپ ماڭغان ھاۋاخان ئاغىچا تاشقىرىقى ھويلىدا دەرس تەكرارلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىپ ئاشخانىغا كىردى ۋە بايا تۈگۈپ قويغان چۆچۈرىنى پىشۇردى، ھۇجرىغا ئېلىپ قىزىنىڭ خانىسىغا ئاياغ باستى. ئاقبىلەز كىتاب ئوقۇۋاتاتتى، مۇڭلۇق كۆزلىرىدىن تامچىغان ياش كىتاب بەتلىرىدە سارغۇچ داغلارنى پەيدا قىلغانىدى.
— جېنىم بالام، تاماقتىن يەۋالسىلا، — ھاۋاخان ئاغىچا يۇمشاقسۇت، زىرەنىڭ خۇشبۇيى تارىلىپ تۇرغان ھىجرىنى قىزىنىڭ ئالدىغا قويدى، — بىرنېمە يېمەي بۇنداق يىغلاۋەرسىلە كېسەل بولۇپ قالىدىلا، يەۋالسىلا، بالام.
ئاقبىلەز كىتابنى يېپىپ قويدى، ھەسرەت ياشلىرى قويۇلۇپ تۇرغان كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئولتۇرغىنىچە زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ كۆڭلىدىكىنى قانداقمۇ دېيەلىسۇن؟
— جېنىم قىزىم، بىزنى ئۇنداق قىينىمىسىلا. بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ياتلىق بولۇشى ئەزەلدىن بار ئىش، بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى. بىلىمەن، بىزدىن ئايرىلىشقا قىماي يىغلاۋاتىدۇلا،
مەنۇ تويۇم بولىدىغان چاغدا يىغلىغان، لېكىن سىلىدەك بۇنداق ھەسرەتلىنىپ كەتمىگەن. بالام، سىلى ئارتۇقچە غەم يەپ كېتىۋاتىدۇلا، بۇ توي سىلىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. — ئاپا … — ئاقبىلەك ئانىسىنىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ تۇتۇپ يۇم — يۇم يىغلىدى. — نېمە ئۈچۈندۇر يۈرىكىم ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەن، بىر ئەنسىزلىك ۋۇجۇدۇمنى چۆلگۈۋالدى. مېنىڭ زادىلا تۇرمۇشقا چىققۇم يوق، ئاپا. توينى توختىتىپ قويساڭلار. — بۇ نېمە دېگەنلىرى، قىزىم؟ باغات تارقىتىلىپ بولدى. بۈگۈن ئاش سۈيىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاتىلىرىنىڭ يۈزىنى قىلمامدىلا، بالام؟ — مەن ئۆلۈپ كەتسەم بوپتىكەن، ئاپا. — سىلى ئەمەس، مەن ئۆلەي، بالام، مەن ئۆلەي، — ھاۋاخان ئاغچا ئاقبىلەكنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۆكسۈپ يىغلىدى، — بۇ تويغا ماقۇل بولمىسىلا، ئۆلۈپ كەتسەم بولىدۇ. ئۆتۈنۈپ قالاي، بالام، بىزنى يەرگە قاراتمىسىلا، ماقۇلمۇ؟ ئانىسىنىڭ يالۋۇرۇپ ئېيتقان بۇ سۆزى ئاقبىلەكنىڭ غەمكىن كۆڭلىدە بىر خىيال پەيدا قىلدى: «توي بولۇۋەرسۇن، نىكاھ باشلانغاندا رەت قىلسام بولىدۇغۇ …» — ماقۇل، ئاپا، ئاللانىڭ ئىرادىسىنى مەن توسۇپ قالالمايمەن. — جېنىم بالام، ئالتۇن قىزىم، ئەمدى ئەقىللىرىگە كەلدىلا، بۇ توي سىلىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سۆزنى ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن ئىككىنچى قېتىم ئاڭلىغان ئاقبىلەك: «يۈسۈپتىن باشقا ئەر زاتى ماڭا بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ» دەپ پىچىرلىدى. — نېمە دېدىلە، قىزىم؟ — ئاللا خالىغان ئىش بولماي قالمايدۇ، دەۋاتىمەن، — جاۋاب
بەردى ئاقبىرا چۆچۈرەنى يېيىشكە باشلاپ. باياتىن نېمە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالغىچە، قورسىقى ئاچقاندەك قىلغانىدى.
— ئانىسى، توينىڭ ئاش سۈيىنى ئېلىپ كەلدى، — دەھلىزدىن ئەبو پۇتۇھ مەخدۇمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
— مېھمانلارنى سارايغا باشلىسىلا، ئاتىسى. مەن داستىخاننى ھازىر چىقارتىمەن، — ھاۋاخان ئاغىچا ئالدىراپ ئاشخانىغا چىقتى.
ئوردا ئەمرى بەگتۇتۇق، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل، بەگبۇقا مەھەللىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاشانبۇقا، ئۆدمىش، بويانقارلار بىر بۇغرا تۆگە، بىر تاي، ئۈچ قۇتاز، توققۇز قوي، قىرىق چارەك گۈرۈچ، يۈز چارەك ئۇن ۋە تۇز قاتارلىق نەرسە — كېرەكلەرنى ئېلىپ كېلىشكەنىدى. قوللۇق قىلىپ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالغان ئەبو پۇتۇھ مەخدۇم ئۇلارنى تون كىيدۈرۈپ ئۇزاتتى.
كېچىچە ھېچكىم كىرپىك قاقمىدى. ئۆزىنى شۇنچە تۇتسىمۇ، ئاقبىرانىڭ يىغلىغۇسىلا كېلىۋاتاتتى. «مېنى ئالماقچى بولغان يىگىت يۈسۈپ بولۇپ قالسا ئىدى كاشكى، ئاھ خۇدا! شۇنداق بولۇشقا نېسىپ قىلغىن» بۇ ئوي دىلىغا چۈشۈپ، ئۆزىچە تىنچلىنىپ قالدى. «ئەگەر يۈسۈپ بولمىسا، نىكاھ ۋاقتىدا قەتئىي رەت قىلىمەن. ئۇ چاغدا ئاتا — ئانام نېمە بولۇپ كېتەر — ھە، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارارىمەن؟ خۇدا، ئاھ تەڭرى! مېنى دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتكىن …» دەپ نالە قىلدى بېشىنى سەجدىگە قويۇپ.
مەشرىق سەھەرى ئاقىرىپ تاڭ ئاتتى، ئالتۇن شەپەق ئاقبىرانىڭ ھۇجرىسىنىڭ دەرىزىسىگە جولا تاشلىدى. ئۇ جاينامازدا ئىلتىجا قىلىپ تېخىچە يىغلاۋاتاتتى. ئىشىك ئېچىلدى. كىمدۇ بۇ؟ ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قىز دوستلىرىنى كۆردى. «نېمىشقا ئۇلار كىرىدۇ؟ چاقىرمىغان تۇرسام، چىقىپ كېتىڭلار، چىقىپ كېتىڭلار!» ئۇ ۋارقىرىغان بولسىمۇ، ئاۋازى
تۈزۈك چىقمىدى. ياق، ئۇ ۋاقىراپ كەتمىگەنىدى، شۇنداق ئويلىغانىدى، جان دوستلىرىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا قانداقمۇ كۆڭلى ئۇنىسۇن؟
— قاراڭلار، كېلىنچەك قىز بەختىنى تىلەپ دۇئا قىلىۋېتىپتۇ.
— تەگكەن يىگىتكە ئىنساب تىلەۋاتقاندۇ تايىنلىق.
— ئاقبىلە يىگىتنىڭ لاچىندەك پەرۋاز قىلىشىنى خالىيدۇ…
— كىم خالىمايدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئاقبىلەدەك قىزغا ئۆيلەنگەن يىگىت شۇنداق بولۇشى كېرەك.
قىزلار چاقچاق قىلىشىپ ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى.
— مۇشۇ تاپتا تاشقىرىقى ھويلىدا توي تازا قىزىپ كەتتى، — دېدى بويچان، چىرايلىق ئاق سېرىق، قەلەم قاش قىز، — مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ توي ئۆيىگە ئېغىز تەگكۈزۈۋاتقاندۇ، ھەرقاچان؟
— توي قىزىپ كەتمەي، يىغا-زار بولسا ئوبدانمىدى؟ ئۇنى قويۇپ كۆيۈتئوغۇل توغرىلىق گەپ قىلىچۇ گۈلنار، قارا قاش، قارا بۇرۇت يىگىتمۇ، بەلكىم. ئېيتىپ باقە، سەن كۆرگەن بولغىيدىڭ؟ — دېدى يەنە بىر قىز ئۇنىڭ ئۆرۈم-ئۆرۈم قارا چاچلىرىنى چۆشۈپ.
— ئوھۇش، نېمە دەۋاتىسەن نەركىز؟ چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن، — ئاچچىقلاپ دۇمبىيىۋالدى ئاقبىلە.
— كەچتە كۆرىسەن خېنىم، ئېچىلىپ ئولتۇرغىنا.
— كۆرمەسمەن، ئۆلۈپ كېتەي.
— نېمە دەۋاتىسەن، كەچتە كۆرمىسەڭ قاچان كۆرىسەن؟
— ھېچقاچان.
قىزلار قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى.
— تۇرغىن ئاقبىلە، تېزرەك يېشىنگىن، يۇيۇندۇرۇپ تويلۇق كىيىمىڭنى كىيدۈرىمىز، — نەركىز ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى.
— يۇيۇنمايمەن، تويلۇق كىيىمنىمۇ كىيمەيمەن! — ئاقبىلە
يولقۇنۇپ قوپقىلى ئۇنمىدى. — كىيمىسەڭ خېنىم، كىيمىسەڭ بولمايدۇ، — دېدى گۈلنار. ئۇ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ئىشارەت قىلىۋىدى، قىزلار ئاقبىرانىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتتى. ئىزا تارتىپ كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان قىز، قوللىرى بىلەن خاس يېرىنى يوشۇردى، ئۇنى قولمۇقول كۆتۈرۈپ قازاناققا ئېلىپ كىردى. چوڭقۇر قېزىلىپ، ساپال نوكەش ئورنىتىلغان خىش ئەۋرەز قازاناقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، سۇ كىرىپ كېتىدىغان يۇمىلاق تۆشۈكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. نەرگىز، گۈلنارلار ئاقبىرانىڭ بويۇن — باشلىرىغا ئىلمان سۇ قۇيۇپ، سوپۇنلاپ يۇيۇشقا تۇتۇندى. — نېمە قىلىۋاتىسىلەر جۇمباغلار؟ قويۇپ بېرىڭلار، كىيىمىمنى كىيىۋالاي، — دەپ تىپىرلاپ سىلكىنىسىمۇ، قىزلار ئارقا — ئارقىدىن سۇ قۇيۇپ يۇيۇۋەردى. — تولا ناز قىلمىغىنا خېنىم، ئىچىڭدە تازا خوش بولۇۋاتقانسەن، — دېدى گۈلنار ئۇنىڭ قارا چاچلىرىنى يۇيۇپ، — ئورنىڭدا مەن بولسام خوشاللىقىمدىن ئۇسسۇل ئويناپ كېتەتتىم. — جۆۋەينىمەك! — ئاچچىقلاندى ئاقبىرا، — مېنىڭ ئۆلگۈم كېلىۋاتىدۇ … ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي، نەرگىز يەنە بىر مىس چۆگۈندىكى ئەنبەر ئارىلاشتۇرۇلغان ئىلمان سۇنى ئۇنىڭ بېشىغا قويدى. خوش پۇراق ئىسسىق سۇدىن ھۇزۇرلانغان قىزنىڭ بولۇتتەك يۇمران بەدىنى شىشىدەك پارقىراپ كەتتى. قىزلار ئاق شىلدىرشاپنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قازاناقتىن ئېلىپ چىقىشتى، يەتتە قات ئىشتان، يەتتە قات كۆڭلەك كىيدۈرۈشتى. ئۇ يا كۈلمەي، يا يىغلىماي، كۈمۈش ھەيكەلدەك جىم تۇرۇپ بەردى. گۈلنار ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ چاچ تەگكىسىنى دۇمبىسىگە
ياپتى. نەركىز دەريا دولقۇنىدەك ئۆركەشلىنىپ تۇرغان چاچلارنى تاراپ قىرىق بىر ئۆرۈم قىلىپ ئۆردى. قىزىل، ئاق، قارا، يېشىل مارجانلارنى، تىللا، كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئۆرۈم - ئۆرۈم چاچلارغا ئاستى، ئوڭ قول بارماقلىرىغا ئۈچ، سول قولىنىڭكىگە ئىككى ئۈزۈك سالدى. ئاقىرىپ تۇرغان بوينىغا ئالتۇن زۇننار، گۈل پورىكىدەك قولىقىغا قىزىل ياقۇت كۆزلۈك سۆكە ئاستى. قارا قاشلىرىغا ئوسما قويۇپ، كۆزلىرىگە سۈرمە تارتتى. نەركىز تەكچىدىكى ئەينەكنى ئېلىپ كېلىپ ئالدىدا يۆكۈنۈپ تۇتۇپ بەردى. شۇنداق قارىغان ئاقبىلەك قاش - كىرپىكلىرىنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغىنىدىن، چىرايىنىڭ سۆزۈلۈپ ئون بەش كۈنلۈك ئايدەك نۇرلىنىپ كەتكىنىدىن ئەمەس، باغرىداق تاقاپ قويغاققا كۆتۈرۈلۈپ قالغان كۆكسىگە نەزىرى تېگىپ ئېلىلدە قىزاردى. ئۇ يەردىن ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇلۇڭغا قويۇقلوق ساندۇقنىڭ يېنىغا باردى، ئېچىپ يۈسۈپ بەرگەن سوۋغاتلارنى ئالدى. ئوڭ ۋە سول بارمىقىدىكى ئۈزۈكلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ساندۇقتىن ئالغان ئىككى ئۈزۈكنى، قولىقتىكى سۆكەنى ئېلىۋېتىپ زىرىنى سالدى. بوينىدىكى ئالتۇن زۇننارنى ئېلىۋېتىپ مارجاننى ئاستى. بېشىدىكى ۋالىلداپ تۇرغان دىدېمنى تەكچىگە قويۇپ، مەرۋايىت دوپپىنى كىيدى، ئاق ھېلىلە رومالنى ئارتتى.
- ئەمدى بولدى، - دېدى ئۇ ھاڭۋېقىپ قالغان دوستلىرىغا كۆز سېلىپ، - مېنى مەيلىمگە قويۇڭلار.
- سەن بۇ تۇرۇقۇڭ بىلەن تويى بولغان قىزغا ئوخشىماي قالدىڭ، ھېچبولمىسا دىدېمنى كىيىۋال، - دېدى نەركىز ئاقبىرانى غېيىبلىگەن تەرىزدە قاراپ.
- كىيمەيمەن! - ئۇ بوينىنى شۇنداق سۆلەت بىلەن تولغىدىكى، بەش تال ئۆرۈم چېچى قۇچىقىغا تاشلاندى، - كارىڭ بولمىسۇن. نەركىز ئاداشلىرىغا كۆز قىسىپ قويۇپ، ئونىڭ ئەگىم قېشىغا ئوسما قويۇشقا كىرىشتى.
3
سۈبھىدەمدىن تارتىپ رەيھاندىن، بەگتۆمۈرلەر ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇمنىڭ ھال رەڭ قىزغۇچ تۇغ ئېسىپ قويۇلغان دەھلىزى ئالدىدا، كەلگەن مېھمانلارنى ئۆيگە باشلاپ، قايتقانلارنى ئۇزىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بالاساغۇندا تۇرۇشلۇق ئارسلانخان، يابغۇلىرى، چاغرىبەگ، تارخانبەگلىرى، ئالىم، ھۆكۈما، ئەدىب، شائىرلىرى، ھۈنەرۋەن، كاسىپ، تىجارەتچىلىرى، دېھقان، مالچىلىرى تويغا كېلىۋاتاتتى.
بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخانمۇ يوغۇروش، ھاجىپ، سۇباشىلار بىلەن كېلىپ خېلى ئولتۇرۇپ يانغانىدى.
ئوتتۇز قوي، يەتتە قۇتاز، ئۈچ تاي، بىر بۇغرا تۆگىنىڭ گۆشى سېلىنغان توققۇز داش قازاننىڭ پولوسى تۈگىدى. ئۈچ تۈمەن نان ئۈشتۈلدى. ئايۋان، ساراي پېشايۋاندىن باشقا، باغ سەيناسىغا سېلىنغان ئوتتۇز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى داستىخان ئوتتۇز قېتىم توشتى. مېھمانلارنىڭ ئالدى - كەينى چۈشكە يېقىن ئۈزۈپ بولدى.
رەيھاندىن بىلەن بەگتۆمۈر قۇدىسىدىن رازى بولغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
پېشىنندىن كېيىن، بۇغراغا مىڭغان يۈسۈپنىڭ خەنجەر، قىلىچ ئاسقان يۈزدىن ئارتۇق دوست ۋە يولداشلىرى ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ «ئاللا! ئاللا!» دەپ توۋلاپ يولغا چىققاندا، قىزلار ئاقبىرانى ياساپ جابدۇپ بولغانىدى. دەرۋازىدىن قارىغان گۈلنار:
— كۆيۈئوغلۇم كەلگەن ئوخشايدۇ، قاراپ باقاي، — دەپ ئىتتىك چىقىپ كەتتى.
ئاقبىرا «كەلسە كەلمەمدۇ» دېگەندەك قاپاقلىرىنى سۈزۈپ، لەۋلىرىنى پۈرۈپ قويدى.
— تاشقىرىقى ھويلا، پېشايۋان، ئۆيلەر مېھمانلار بىلەن تولۇپ
كېتىپتۇ، كۈيئوغۇلنى كۆرەلمەي قالدىم، دېدى قايتىپ كىرگەن گۈلنار ھاياجىنىنى باسالماي.
كېلىنچەكنىڭ ئەندىشىسى تۈگەپ، چىرايى ئېچىلماي تۇرۇپلا كېلىۋاپتىغۇ بۇ كۈيئوغۇل، دېدى بايا ئاقىبراننىڭ ئاچچىقلاپ قىلغان سۆزىگە جاۋاب بەرمەي تۇرغان نەرگىز تەنە قىلىپ.
بالدۇر دېمەسەڭ ئاداش؟ چىقىپ كۆڭگە قاراپ باق، مەغرىبكە قاراپ كېتىۋېتىپتۇ. ئولار ئەمدى نەرە تارتىپ، قىلىچۋازلىق قىلىپ قىزنىڭ كۆڭۈل شەھىرىنى ئالالمىسا، توي قانداق قىزىيدۇ؟ يۈرۈڭلار، بالىخانىغا چىقىپ ناخشا توۋلاپ يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىۋېتەيلى، قوللىرىدىن قىلىچى، باشلىرىدىن بۆكى چۈشۈپ كەتسۇن، يۈرۈڭلار، گۈلنار قىزلار بىلەن ئاقىبراننى ئارىغا ئېلىپ، دەرۋازىلىرى تاشقىرىقى ھويلىغا قارايدىغان بالىخانىغا چىقتى. غۇر غۇر كۆز شامىلىدا پەردىلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان بالىخانا ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەنىدى. ئوتقااشتەك قىزىل زىلچا سېلىنىپ، تېمىغا تاۋار زەردىۋال تارتىلغانىدى. ئاسا جۈپ قىلىنغان تورۇسقا خىلمۇخىل نەقىش چېكىلگەنىدى. ئايلانما ناۋاسىغا چىقىرىلغان چەكمە گۈللەر دەرىزىدىن چۈشكەن كۈن نۇرىدا چاقناپ كەتكەنىدى. تەكچىلەرگە يامغا تىلىنغان گۈللەر قويۇلۇپ، كۆڭۈرلۈك ئويۇقلارغا كىتاب تىزىلغان، ئۇد، تەمبۇر، داپ قاتارلىق چالغۇلارمۇ يۆلەپ قويۇلغانىدى.
گۈلنار داپ چېلىپ ناخشا باشلىدى:
باراقسان سۆگەتكە قۇش قونار، چىرايلىق قىزلارغا سۆز كېلەر.
قىزلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قوشۇلدى:
بەخت بەرسە تەڭرىم قولۇڭغا، ئىشى ئۆڭدىن كېلىپ يۈكسىلەر①.
ھويلا سەھنىسىدە قىلىچۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىۋاتقان ئىككى يىگىت تەڭلا يۇقىرىغا قاراشتى. يۈرەكلىرى جىغىلداپ، قوللىرىدىكى قىلىچ يەرگە چۈشتى، بۆكلىرى ئۇچۇپ كەتتى… قىزلارنىڭ لەرزان ناخشىسى قىيا ئوچۇق دېرىزىدىن تاشقىرىغا شامالدەك تارايتتى. يىگىتلەرنىڭ تۇيغۇن نەزىرى ئاشۇ دېرىزىگە چۈشتى. ئۆگزە، ھۇجرا، ئۆيلەردىكى قىزلارنىڭ ئوتلۇق نىگاھىمۇ يىگىتلەرگە تاشلاندى. ئۆزلىرىگە ياراپ كۆڭلى چۈشكەن يىگىتلەرگە ياغلىق، گۈل تاشلاشتى. گۈل تاشلىمىغان ئاقىبەتتىن باشقا بىرلا قىز قالدى، ئۇ يۈسۈپنىڭ ئاچىسى ئارچۇن ئىدى. ناھايىتى چىرايلىق كىيىنگەن ئارچۇن ئوغۇللۇق تەرەپتىن ئېيتىلغان قىزلارنى باشلاپ كەلگەنىدى. ئاقىبەتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەل چىرايىغا قانچە زوقلانغان بولسا، مەيۈس، غەمكىن ئولتۇرغىنىدىن شۇنچە ئەجەبلەندى. «ئەجەبا، بۇ قىز ئىنىمنى ياقتۇرمىسا - ھە؟! ئاپتاپتەك ئېچىلىپ ئولتۇرماي، بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ كەتكىنى نېمىسى…» ئۇ خىيالچان نەزىرىنى ھويلىغا يۆتكىدى. گۈل، ياغلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان يىگىتلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشمەكتە ئىدى. ئىككى يىگىت - يۈسۈپ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا خەنجەرنىڭ سېپىنى تۇتۇپ تۇرغان قولدىشلا ئۆزلىرىگە تاشلانغان ياغلىق، گۈللەرگە نەزەر كۆزىمۇ سالماي ئولتۇرۇشاتتى، ئۇلارغا قىزىل چاقماق بويۇندۇق ناھايىتى ياراشقانىدى.
«ئىنىمنىڭ ئۆزىگە تاشلانغان ياغلىقنى تۇتۇۋالمىغىنى، ئەمرىگە ئالماقچى بولغان قىزغا سادىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما،
① «تۈركىي تىللار دىۋانى» (تېكىست)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008 - يىلى 10 - ئاي 1 - نەشرى 245 -، 246 - بەتلەر.
يېنىدىكى ئالىپ يىگىت نېمىشقا ئۆزىگە تاشلانغان ياغلىقنىڭ بىرەرىنىمۇ تۇتۇۋالمايدىغاندۇ، يا ئۇنىڭ ياخشى كۆرگىنى بۇ قىزلار ئىچىدە يوقمۇ؟…» دەپ ئويلىغان ئارچۇن ئاشۇ يىگىتنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ، رومىلىنى يۈزىگە چۈشۈرۈۋالدى.
قىزلار ناخشا ئېيتىپ، ياغلىق تاشلاپ، يىگىتلەر چىلىشىپ، نەيزىۋازلىق، قىلىچۋازلىق قىلىشىپ كېچە كىرىپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالدى. پېشايۋان تۈۋرۈكلىرىگە، تاملارغا، دەرەخ شاخلىرىغا ئورنىتىلغان قەندىللەردىكى شاملار ياندۇرۇلدى، ھويلا، ئۆينىڭ ئىچى كۈندۈزدەك نۇرلىنىپ كەتتى. شام نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن نىكاھ باشلاندى.
قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ شەيخۇلىسلامى بەگتاش ئابدۇللا داموللا كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاچقا نۆۋەتتىكى تويغا كېلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا شەيخۇلىسلام بولغان ئابدۇۋاھابىت داموللا پېشايۋان تۆرىدە ئولتۇرغىنىچە ساقىلىنى سىيپاپ، ھويلىغا لىق توشقان توي ئەھلىگە كۆز يۈگۈرتۈپ نىكاھنى باشلىدى. ئاۋۋال ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرىپىنى قىلدى، چاھار يارلارنىڭ ئادالەت ۋە شاپائەت بابىدىكى ساداقىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى، ئاندىن گۇۋاھچىلارنى بەلگىلەپ قىزنى چاقىرتتى.
ئاق پەرەنجە ئارتىپ، يۈزىگە قارا چۈمبەل تارتقان ئاقبىرانى ئىككى يەڭگە، قىز يولداشلىرى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئىچكىرى ھويلىدىن تاشقىرى ھويلىغا چىقىدىغان ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ تۇرۇشتى.
— قىز كەلدىمۇ؟ — سورىدى بويۇنداپ قارىغان ئابدۇۋاھابىت داموللا.
— كەلدى، جاناپلىرى، — دېدى گۇۋاھچى ئادامتۇغرۇل.
— يۈسۈپ رەيھانىدىنبەگ ئوغلى، مۇرادىمە ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغوپۇر مەخدۇم قىزىنى ئەمىرىگە ئالدىمۇ؟ ئونلۇك
جاۋاب بەرسە. ئاقىبىرا ئىختىيارسىز ئەندىكىپ كەتتى. پۇتۇنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈلۈپ قىيا ئوچۇق ئىشىكتىن قارىغان بولسىمۇ، پېشانىسىدا تۇرغان يۈسۈپنى كۆرەلمىدى. قىز يۈرىكى تىپچەكلىپ قولىنى دەك قىلىپ تۇرۇۋاتتى: — ئالدىم، — دېگەن تونۇش ئۈننى ئاڭلاپ ۋۇجۇدى شۈركىنىپ كەتتى. «يۈسۈپمۇ نېمە، ئۇنىڭ ئاۋازىغۇ بۇ. ئاھ خۇدا، بۇ چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ؟ …» دەپ پىچىرلاپ ئولتۇرۇپ قالدى. — مۇرادىمە ئەبۇ يۈسۈپ ئابدۇغوپۇر مەخدۇم قىزى، يۈسۈپ رەيھاندىنبەگ ئوغلىنى ئۆزلىرىگە قوبۇل قىلدىلىمۇ؟ … داموللا سۆزىنى يەنە تەكرارلىدى. … «بۇنداق مەھلىك، گۈزەل يەنە بىر ئىسىمنىڭ بارلىقىنى ماڭا دېمىگەن بولسا، بۇ نىكاھنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمدى تېزرەك جاۋاب بەرسە بولاتتى …» دەپ يۈسۈپمۇ تاقەتسىزلەندى. — قوبۇل قىلدىم دېسىلە، خان قىز. شەيخۇلىسلام ھەزرەتلىرى جاۋابلىرىغا قاراپ قالدى، — دېدى يەڭگە بولغۇچى ئايال بېشىغا نوقۇپ. ئاقىبىرا ئاستا تۇردى. ئۇنىڭ مۇڭلۇق قارا كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر ئۇچقۇن يالت ئېتىپ چاقنىغاندەك بولدى — دە، ئىككى تامچە ياش مەڭزىگە ئېقىپ چۈشتى. — قوبۇل قىلدىم … ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئەكس ئەتكەن قېرىنداش، نازۇكلۇق قوشۇلۇپ، يۈسۈپنىڭ قۇلىقىغا ناھايىتى يېقىملىق ئاڭلاندى. قىزىنىڭ رەت قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئاتا — ئانىنىڭمۇ كۆڭلى ئارامغا چۆشتى. كۈيئوغۇل بىلەن كېلىنگە ئاتاپ ئالاھىدە پىشۇرۇلغان كىچىك
توقاچنى ھېجىردىكى تۇزغا چىلانغان شەيخۇلىسلام گۇۋاھچى ئادامتۇغرۇل ئوزاتقان پەتنۇسقا قويۇپ دېدى: — بىر ناننى تەڭ يەپ، تەڭ قېرىڭلار، كۆپ بالىلىق بولۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈڭلار، ئاللامۇ، ۋەتەنداشلارمۇ سىلەردىن رازى بولسۇن! ئادامتۇغرۇل پېشايۋاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە قۇرداشلىرى بىلەن ئولتۇرغان يۈسۈپكە «نىكاھ نېنى»نى سۇندى. ئۇ ئېلىپ ئوتتۇرىدىن تەڭ بۆلدى، يېرىمىنى ئېلىپ قېلىپ، يېرىمىنى پەتنۇسقا قويدى. ئادامتۇغرۇل پېشايۋان سۇپىسىدىن قېرى ئەرمۇدۇن دەرىخىنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشكەن ئىچكىرى ھويلىنىڭ ئىشكى تۈۋىگە كېلىپ پەتنۇسنى قىزغا تەڭلىدى. رومال بىلەن ئورالغان بىر قول ناننى ئالدى. ھەر ئىككىيلەن ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇزغا چىلانغان مۇقەددەس «نىكاھ نېنى»نى ئاشۇرماي يېدى. يۈسۈپ بىلەن ئاقبىرانىڭ ۋۇجۇدى بىر — بىرىگە ئۆمۈرلۈك باغلاندى. جىسمى بىر — بىرىگە ھالال بولدى. يېڭى كۆتۈرۈلگەن ئاي خۇددى مۇرادىغا يەتكەن قىزنىڭ لېۋىدەك تاتلىق كۈلۈمسىرەپ ئۇلارنى قۇتلۇقلىدى. يۇلتۇزلارمۇ ئۇلارنى مۇبارەكلەپ ئارقا — ئارقىدىن كۆك يۈزىدە جىلۋە قىلدى. قىزنى يۆتكەيدىغان ۋاقىت بولغانىدى. بويانقار بوينىغا گۈلچەمبىرەك، مارجان، قۇيرۇقىغا قىزىل يىپەك ياغلىق، يىلان مۈڭگۈزى ئېسىلغان، ئۈستىگە بۆرە تېرىسى يېپىلغان بۇغرانى ھويلىغا ئېلىپ كىردى. بۇ بايا يۈسۈپ مىنىپ كەلگەن بوز تۆگە ئىدى. تۆت يەڭگە ئارقىغا ئالغان ئاقبىرا ئانىسى، قولداشلىرى بىلەن بۇغراغا يېقىنلاپ كەلدى. سۆيۈنگەن يۈسۈپ قولىنى ئۇزارتىپ ئۇنى ئالدىغا ئالدى. قىز ئۆكسۈپ يىغلىدى، ئۇ ئاتا — ئانىسىدىن ئايرىلىشقا قىمايۋاتاتتى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم قىزىغا رازىلىق دۇئاسى بەردى: — بويۇڭلارنى قوش قىلغان تەڭرىم، ئويۇڭلارنى قوش
قىلسۇن. ئىمانىڭلارنى كامىل قىلغان تەڭرىم، ئىنسابىڭلارنى ئادىل قىلسۇن. سىلەرنى قوشۇپ شاد قىلغان تەڭرىم، بەختىڭلارنى بەرسۇن. سىلەرنى قوشۇپ شاد قىلغان تەڭرىم، پەرھەنتلەر بىلەن ئۆيۈڭلارنى ئاۋات قىلسۇن. ئۆمۈرۈڭلار بىر جان، بىر تەن بولۇپ ئۆتكەيسىلەر، ئامىن!
— ئامىن! — توي ئەھلىنىڭ ئاۋازى ھويلىنى كۆتۈرۈۋەتتى. يۈسۈپ چۇلۋۇرنى تارتىپ بۇغرانى تۇرغۇزدى.
— خۇداغا تاپشۇردۇم قىزىم، بەگىيۈسۈپ بالام بىلەن بەختلىك بولغايلا، — دېدى ھاۋاخان ئانىچە. ئۇ كۈلۈمسىرىگەندەك قىلغان بىلەن، كۆزلىرىدىن تاراھلاپ ياش تۆكۈلۈۋاتاتتى.
— خوش ئاتا، خوش ئانا! — ئاستا ماڭغان بۇغرا تۆگىنىڭ لوكىسىنى قاماللاپ تۇتقان ئاقبىرا ئۇلارغا تەلپۈنۈپ ئېگىلدى.
تاشقىرىدا ئاتلىرىغا مىنىپ تۇرۇشقان كۈيئوغۇلنىڭ يولداش، دوستلىرى، بۇغرا تۆگە ئىشىكتىن چىقىشى بىلەن ناغرا — سۇنايلارنى ياڭرىتىپ، ئوتقاشلارنى ياندۇرۇپ يولغا چۈشتى. ئۈچ ھارۋىغا ئولتۇرغان يەڭگىلەر، قىزلار يار — يار ئېيتىپ بۇغرا تۆگىنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.
بەگتۆمۈر قورۇسىنىڭ ئالدىغا ئۈچ يەردە گۈلخان يېقىلغانىدى. يۈزلەنگەن گۆدەك بالىلار «چاچالمايدۇ، چاچالمايدۇ» دېيىشىپ، يېتىپ كەلگەن بۇغرا تۆگىنى ئورىۋالدى. يۈسۈپ خالتىغا ئېلىنغان كۈمۈش، مىس تەڭگىلەرنى بالىلارغا چاچتى، ئاندىن تۆگىنى چۆكتۈرۈپ يەرگە چۆشتى، ئاقبىرانى ئاۋايلاب كۆتۈرۈپ يەرگە دەسسەتتى. بۇ كېلىن ئادەت بويىچە، ئۈچتىن توققۇز تىللا تۆكۈلگەن ئۈچ شاھى بەلباغنى گۈلخان سالغۇچى ئۈچ يىگىتكە تاشلاپ بەردى.
ئايتولۇن، ئايسىلىگ، ئايتمىش، ئارچۇن تۆت ئاچا — سىڭىل كۆتۈرۈپ كېلىشكەن يىپەك گىلەمگە ئاقبىرانى ئولتۇرغۇزدى. ئۇنى كۆتۈرۈپ گۈركىرەپ يېنىۋاتقان گۈلخانلارنى ئايلىنىپ ئۆتتى — دە، مىس ھالقىلىق ھەم ئېتىلگەن چوڭ ئىشىكنىڭ
يېنىغا كېلىپ توختاشتى. يەڭگىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ:
ئىشىكنى ئېچىڭلار ئېچىڭلار، كېلىن كەلدى، قۇت كەلدى. بېشىغا گۈل چېچىڭلار، كۈيۆئوغۇلغا بۆد① كەلدى!
دەپ ئېلتىجا قىلىشتى. ئىشىك كەينىدىن:
ئىشىك ئېچىلماس بۈگۈنچە، بېرىلمىسە سۆيۈنچە.
دېگەن تەلەپ قويۇلدى. يەڭگىلەر ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىككى تونلۇق بەقەسەم بىلەن كۈمۈش ساپلىق ئىككى خەنجەرنى ئىشىكنى تاقىۋالغان يارۇق، ئادارلارغا تارتۇق قىلدى. ئۇلار ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. ئاچا - سىڭىللار قىزىل پايانداز ئۈستىدە سىلىق مېڭىپ ساراي ئۆيگە كىرىشتى ۋە ئاقبىرانى گىلەمدىن يەتتە قات يېكەندازغا ئېلىپ ئولتۇرغۇزدى. قىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، قولداشلىرىمۇ ئورۇن ئالدى. داستىخان سېلىنىپ تويلۇق ئىشى تارتىلدى. ئارقىدىن تونۇردا پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىنغان ئولار، قىرغاۋۇل، بۆدۈنە گۆشلىرى تارتىلدى. قىزنى قۇدىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئاقبىرانىڭ ئىككى تاغىسىنى رەيھاندىن مېھمانخانىدا كۈتۈۋېلىپ ئۇلارغا تون ياپتى. پولو يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، قىزلىق تەرەپتىن كەلگەنلەر ئۆزاپ، تۆت يەڭگە قالدى. ئۇلار ئايتولۇننىڭ ھەمراھلىقىدا ئاقبىرانى باغ ئىچىدىكى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى. يېڭى ئۆينىڭ شولىسى دەرىزىلەردە جولالاپ تۇراتتى.
① بۆد — تاج.
باقىنىڭ كۆركىرىگەن ئاۋازى، ئىزغىرىن شامالدا ئىرغاڭلىغان دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلىشى، ئىتلارنىڭ قاۋىشى بۇ ئاسايىشلىق كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى.
يۈسۈپ يولداشلىرىنى ئۇزىتىپ خانىسقا كىرىشى بىلەن تەڭ يەڭگىلەر يۈزلىرىنى رومال بىلەن توسۇشۇپ يان ئۆيگە چىقىپ كېتىشتى…
بىر قات ئىچكى كىيىمى بىلەنلا ئەنبەرنىڭ خۇشبۇيى كېلىپ تۇرغان كىمخاب تۆشەك ئىچىدە ياتقان ئاقبىلە نېمىشقىدۇر سەل قورققاندەك قىلىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قارىدى. يۈسۈپنىڭ مەڭزى توغاچتەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. كېپىياتى چاغ بولسىمۇ، نېمە دېيىشنى بىلمەيتتى، ئۇ شۇ ھالچە گەپ قىلمايلا يېشىنىشكە كىرىشتى. بادام دوپپىسىنى بېشىدىن ئالدى، بويۇنداق، بەقەسەم تونىنى كەمەر، خەنجىرى بىلەن ئاسقۇچقا ئاستى، ئۆتۈكىنى سېلىپ بۇلۇڭغا قويدى. بۇ ئىشلارنى ئالدىرىماي قىلغاندەك تۇرسىمۇ، ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى. يەنە نېمە قىلىش كېرەك؟ ئۇ قايرىلىپ قىزغا قارىدى. كۆزلەر ئۇچراشتى. سۆيگۈ ئاسمىنىدا چاقماق چاقىلدى، ئەمما ھەر ئىككىلىسىدىن ئۈن چىقمىدى. يۈسۈپنىڭ پۇتلىرى ئىختىيارسىز يۆتكىلىپ ئاستا يوتقانغا كىردى. ئاقبىلە ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى. يۇمران ئىسسىق تەنگە ئۇرۇلغان يۈسۈپنىڭ تېنى تىترەپ، ۋۇجۇدى تونۇر ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك قىزىپ كەتتى. ئۇ غەيرىتىنى يىغىپ ئېغىز ئاچتى:
— ئاقبىلە…
— …
— مۇراتىمە…
— …
— مەن سىلىنى نېمىدەپ چاقىرىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، رەنجىتىپ قويدۇممۇيا؟
— رەنجىمىدىم، — قىز ئاخىرى زۇۋان سۈردى.
— نېمىشقا جاۋاب بەرمەيلا؟ — يۈسۈپ ئونىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتتى.
— ئونداق قىلمىسىلا، ئەزا تارتىدىكەنمەن، — پىچىرلىدى قىز ئۆرۈلۈپ.
— سىلىنى نېمىدەپ چاقىراي؟ — يۈسۈپ ئونىڭ چوغدەك مەڭزىگە سۆيدى.
— قايسى ئىسمىم يېقىملىق تۇيۇلغان بولسا، شۇ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىرسىلا.
— بۇرۇن ئاقبىلە دۆگەن ئىسىملىرى يېقىملىق تۇيۇلاتتى، نىكاھتىن كېيىن مۇرادىمە دېگەن ئىسىملىرى يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بولدى، سىلى تاللاپ بەرسىلە، — يۈسۈپ ئونىڭ ئالتۇن زىرە يالتىراپ تۇرغان قۇلىقىغا پىچىرلىدى.
— ئاقبىلە، دەپ چاقىرسىلا، مەن بۇ ئىسمىمنى ياخشى كۆرىمەن.
— ئاقبىلە، — يۈسۈپ ئونى قۇچاقلىدى …
ئەتىسى ئاقبىلە يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتتى. ئاتىسى سەمەرقەنتتىن ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن — ئاخچام ئېلىپ كەلگەن ساندۇقتىدىن يۈسۈپكە ئاتاپ تىككەن دوپپا، ياغلىقلارنى ئېلىپ بەردى. سۆيۈنگەن يىگىت دوپپىنى كىيىپ، ياغلىقنى يانچۇقىغا سالدى، ئاقبىلەنىڭ قولىغا ئۈزۈك سېلىپ مەڭزىگە سۆيدى.
قىز مېھرى ئۈچۈن ئون ئات، قىرىق تىللا، بىر تاي كىمخاب، بىر تاي ئەتلەس، تۆت قۇر مەرۋايىت ھەم ناشتىلىق ئېلىپ يۈز ئاچقۇغا كەلگەن ھاۋاخان ئاغىچا ۋە ئونىڭ ھەمراھلىرىنى يابۇ مېھمانخانىغا باشلىدى. ھاۋاخان ئاغىچا ئالدىغا چىققان قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئونىڭ بىلەن تۆردە ئولتۇردى. پېشايۋان، ئايۋان، سارايمۇ مېھمانلار بىلەن توشتى. ھەممىنىڭ كۆزى يۈزى يېپىق ئاقبىلەدە ئىدى. ئايتولۇننىڭ ئون ئۈچ ياشلىق قىزى ئايتېكىن ئوسۇل ئويناپ كەلگۈنچە ئاقبىلەنىڭ يۈزىنى
ئۆچۈپ كەتتى. بۇلۇت يېرىپ چىققان تولۇن ئاينى كۆرۈپ، يۈز ئاچقۇغا كەلگەن ئاياللار ھەيران قېلىشتى.
توينىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ، «بۇغراخان مەدرىسى»دە، بەگتۆمۈرنىڭ بېغىدا، چۇ دەرياسى بويىدا توي يەتتە كۈن داۋاملاشتى. مەدرىسەدە مۇشائىرە، ھەزل سوئالغا ھەزل جاۋاب، تېپىشماق ئېيتىش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى. بەگتۆمۈرنىڭ بېغىدىكى چىمەنلىك سەينادا يادىن ئوق ئۈزۈپ بىلەزۈك، ئۈزۈك ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈش، چېلىشىش، قىلىچۋازلىق، مۇشتلىشىشتا بەسلىشىشكەن يىگىتلەر قىزلارنى ئالاھىدە جەلب قىلدى. چۇ دەرياسى بويىدا ئوغلاق تارتىش، بەيگە، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، گۈرزە ئۇرۇش، نەيزە ئېتىشمۇ يەتتە كۈن داۋام قىلدى. كاپاپ، پۇلۇنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ تۇردى.
رەيھاندىن ئۈچ ئورۇندىكى بەسلىشىشتە ئوزۇپ چىققان ماھىر، چەۋەنداز، مەرگەن، ئەدىبلەرگە تون كىيدۈرۈپ، ئات مىندۈردى، تىللا تارتۇق قىلدى.
بۇ توي ئارچۇنغىمۇ بەخت ئېلىپ كەلدى.
توي كۈنى قىزلار تاشلىغان ياغلىق، گۈللەرگە قاراپمۇ قويمىغان ئاشۇ مەغرۇر يىگىت ئۇنىڭ سۆيگۈ نەزىرىنى تارتتى. ھېچكىمگە گۈل ياكى ياغلىق تاشلىمىغان ئۇياتچان قىز ئارچۇننىڭ خىيالچان سىيماسى ئۇ يىگىتنىڭ كۆڭۈل ئېيىنىگە چۈشتى.
يۈسۈپكە يولداش بولغان ئۇ يىگىت — سۇبېشى تۆمۈربۇقا نەسرىدىننىڭ ئوغلى غەربۇقا پېھلىۋان ئىدى، ئۆزى «بۇغراخان مەدرىسى» دە ئوقۇيتتى، يۈسۈپنىڭ جان دوستى، ساۋاقدىشى ئىدى. سىڭلىسى راتنا① ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئات باققۇچى يىگىت بىلەن قېچىپ كەتكەندىن بۇيان، ئۇ قىزلاردىن
① راتنا — گۆھەر.
نەپرەتلىنىپ يۈرەتتى، ئايال زاتىدىن رايى يېنىپ قالغانىدى.
دۇنيادىكى ھەممە ئىش مەڭگۈلۈك بولمىغاندەك، يۈسۈپنىڭ تويى بولۇۋاتقان كۈنلەردە ئۇ بىردىن ئۆزگەردى، ئارچۇنغا كۆزى چۈشكەندىن كېيىن، «مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ ئىكەن، قىزلار ئۆز قىلمىشىدا ئەيىبلىك بولۇۋەرمەيدىكەن…» دېگەن ئويغا كېلىپ سىڭلىسىنى كەچۈرۈۋەتتى.
توينىڭ تۆتىنچى كۈنى بەگتۆمۈر قورۇسىغا ئەتەنگىدىلا كەلگەن ئەربۇقا باغقا كىرىپ، ئۆزىدىن بۇرۇنراق كەلگەنلەرنىڭ ھە دەپ ئوق ئۈزۈپ مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. چاشكا ۋاقتىدا بەسلىشىش باشلاندى. كۆپ يىگىتلەر بىلەزۈك ھالقىسىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۈزۈك ھالقىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى. مەيدانغا كىرگەن ئەربۇقا ئارچۇن تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندا يادىن ئوق ئۈزۈپ ئۈزۈك ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئۇ تاشلانغان گۈلنى مەيدىسىگە تاقاپ، ياغلىقنى قويۇن يانچۇقىغا سالدى…
بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈسۈپ، يېنىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئاقبىراننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:
— قەدىرلىكىم، ئۇزاققا قالماي ئاچامنىڭ تويى بولىدىغاندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ نىكاھىمىز ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بەردى. «ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى — سائىتى بار، نىكاھ غايىب» دېگەن بۇ ھەقىقەتنىڭ ھېكمىتىگە قايىل بولدۇم.
— ۋاقتى — سائىتى كەلگۈچە ئادەم بەكمۇ تەقەززا بولۇپ كېتىدىكەن، — دېدى ئاقبىرا كۆز ئىشارىتى بىلەن ئارچۇننى كۆرسىتىپ.
يۈسۈپ ئاچىسىغا سەپسالدى. ئۇنىڭ ياش لىقلىغان قوي كۆزلىرى ئوقيانى تۇتۇپ تۇرغان ئەربۇقا تىكىلگەنىدى…
«مۇھەببەت بولمىسا ھايات بولمايدىكەن، دۇنيامۇ ئاپەت بولمايدىكەن» دەپ ئويلىدى يۈسۈپ.
يىگىرمە ئىككىنچى باب: بۇغرا قاراخان نامىدىن يېزىلغان مەكتۇپ
1
ھاۋا ھەمىشە بىر خىل — يا ئوچۇق، يا تۇتۇق تۇرمىغاندەك، ئىنسان ھاياتىمۇ داۋاملىق شاد - خۇراملىقتا ياكى ھەسرەت - نادامەتتە ئۆتمەيدۇ. كىشى بەزى چاغلاردا كۈتكەن خوشاللىققا ئېرىشسە، بەزى چاغلاردا غەم - قايغۇدا ئۆكسۈنۈپ كېتىدۇ؛ بەزىدە دەرد تارتسا، بەزىدە راھەت كۆرىدۇ، بەزى كۆڭۈللىرى تەلەپ قىلغان ئىشلارغا يېتىپ خوشال بولسا، بەزى كۆڭۈللىرى تەلەپ قىلغان ئىشلارغا يېتەلمەي زىيان تارتىدۇ؛ بەزى ھاللاردا تىنچ، خاتىرجەملىك بېغىشلىسا، بەزى ھاللاردا غەم - ئەندىشە، قورقۇنچ ئارامىنى بۇزىدۇ؛ بەزى يىللاردا قىلىنغان توي ئائىلىنى خوشاللىققا چۆمدۈرسە، بەزى يىللاردا بىر كەلگەن مۇسىبەت كۆزلەردىن ياش ئاققۇزىدۇ. بۇ جاھان ئەنە شۇنداق تەشۋىشلىك تۇرسا كېرەك. بەگتۆمۈر ئائىلىسىدىمۇ ھايات شۇنداق داۋام قىلىۋاتاتتى. يۈسۈپنىڭ تويى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي تۇنجى قار ياغقاندا ئارچۇننىڭمۇ تويى بولدى. ئۇ سۇبېشى تۆمۈربۇقا نەسىردىننىڭ ئوغلى ئاربۇقا پەھلىۋانغا ياتلىق قىلىندى. بۇ توي بەگتۆمۈر جەمەتىنى چوڭ غەمدىن خالاس قىلدى. رەيھاندىن شۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ پەرزىنى ئادا قىلىپ بولدى. ئۇنىڭكىگە ئوخشاشلا چىكىسىدىكى ئاق كۆپەيگەن يابىرامۇ ئېغىر يۈك يەلكىسىدىن ئېلىۋېتىلگەندەك يېنىكلەپ قالدى. ئۇ كېلىنى ئاقبىبىدىن ناھايىتى رازى ئىدى، چاپسانراق قورساق
كۆتۈرۈشىنى تىلەيتتى. ئۇلار قىشنى ئەنە شۇنداق خۇرسەنلىكتە ئۆتكۈزۈشتى. تۆمۈربۇقا نەسىردىن بىلەرمەن، كۆرەك بۆرە تېگىن بىلەن چىقىشالماي سەمەرقەنتتىن بالاساغۇنغا يېنىپ كەلدى.
كۆكلەم شامىلى ھەيدەپ كەلگەن قارا بۇلۇتلار بالاساغۇن ئاسمىنىنى قاپلاپ، نەچچە كۈنگىچە توختىماي يامغۇر ياغدى. ئەگىز سۈيى چۆ دەرياسىغا پاتماي قىرغاقنى بۇزۇپ ئاقتى، ئەمما چوك كەلگۈن بولمىدى. يامغۇر توختاپ كۈن چىققاندى، يەرنىڭ يېشىل مايسا بىلەن قاپلانغىنىنى ھەممە كۆرۈشۈپ، گويا بۇرۇن شۇنداق بولمىغاندەك ھەيران قىلىشتى. يابغۇ كۆك چۆچۈرىسى يەتتى. ئاقبىلە بىرىنچى قېتىم بۇ ئائىلىدە ئىشتىياق بىلەن كۆكلەم چۆچۈرىسى تۆكتى.
ھاجىبۇل ھوجاج رەيھاندىن دۆلەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، سودا ئىشلىرىغا يېتىشەلمەي كېلىۋاتاتتى. گەرچە ئىشەنچلىك خىزمەتچىلىرى تىجارەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارغا كۆز - قۇلاق بولۇپ، سودا - سېتىق ئىشلىرىنى باشقۇرالايدىغان بىر - ئىككى قابىل ئادەم بولۇشى زۆرۈر ئىدى. شۇڭا، ئوردا نۆكىرى بولغان يارۇق بىلەن ئۆي ئىشلىرىغا قاراۋاتقان ئادارنى ئۆتكەن يىلىلا پۈتۈن سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغانىدى. رەيھاندىن شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىدىن سېتىۋالغان ئىككى قورۇغا ئۇلارنى كۆچۈرۈپ، مۇستەقىل ياشاش شارائىتىنى يارىتىپ بەرگەنىدى. بۇ ئىككى كۈيۆئوغلى ئۇنىڭ ئېيتقان يېرىدىن چىقىپ سودا قاينىمىغا كىرىپ كەتتى. يالغۇز بالاساغۇندىكى تىجارەتنى يۈرگۈزۈپ قالماي، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى سودا ئىشلىرىنىمۇ باشقۇرۇشقا كىرىشتى.
يۈسۈپ يەنىلا ئۆگىتىش، ئۆگىنىش بىلەن بولۇۋاتاتتى. ئىلگىرى ئۆگەنگەندە چۈشىنىشنى ئاساس قىلغان بولسا، ھازىر ئۆگەنگەن، چۈشەنگەنلىرىنى ھاياتقا، شەيئىلەرگە باغلاپ مۇلاھىزە قىلىشنى، يېڭى ئۇقۇم ھاسىل قىلىشنى، پىكىرنى يېڭىلاشنى،
پىكىر، چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئاساس قىلاتتى. دەرس ئۆتكەندىمۇ تالىپلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى، مۇستەقىل كۆزىتىش يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن كىتاب كۆرەتتى، ئويلىناتتى، مۇلاھىزە يۈرگۈزەتتى.
ئۇ دەرسنى راۋان، مەزمۇنلۇق سۆزلىگەچكە، تالىپلەرمۇ ئايمۇئاي كۆپىيىمەكتە ئىدى. كۈنلۈكى ئاز بولغاندا تۆت سائەت، بولمىسا يەتتە - سەككىز سائەت دەرس ئۆتەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن زادىلا زارلانمايتتى. چارچاپ، سالپىيىپ ئۆيىگە كەلگەندە، شېرىن سۆخەن خوتۇنىنىڭ خۇش مۇئامىلىسىدىن دىلى يايراپ، ۋۇجۇدىدىكى ھارغىنلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. كېچىسى كىتاب كۆرۈۋاتقاندا، ئاقبىرا ئارقىسىدىن قۇچاقلاپ:
— كىشى قارا، تۈن يېرىم بولدى، ماۋۇ بىر پىيالە ئۈسسۈزلۈكنى ئىچىۋېتىپ ياتسىلا بولامدىكىن، — دەيتتى ھەزل قىلىپ. ئۈچىسىگە قۇتلۇق ھارارەت تارقىلىپ ئورنىدىن تۇرغان يۈسۈپ خوتۇنى غەمزە قىلىپ سۇنغان خۇشبۇي چاينى قولىغا ئالاتتى. سۈمۈرۈپ - سۈمۈرۈپ ئىچىپ يوتقانغا كىرىپ ياتاتتى، شېرىن كېچە ئۆتۈپ يەنە تاڭ ئاتاتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بەختلىك ياشاپ، ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.
يۈسۈپ بەزى كۈنلىرى مېڭىسىنى دەم ئالدۇرغاچ، ئادار ئېچىۋاتقان جاۋاھىرات دۇكىنىغا، يارۇق باشقۇرۇۋاتقان تىللا سارىيىغا باراتتى. تىجارەتچى، خېرىدارلار بىلەن ئەھۋاللىشاتتى، قىزىق گەپلەرنى ئاڭلايتتى، قىزىق ئىشلارنى كۆرەتتى. تۈرلۈك - تۈمەن ئادەملەر كۆز ئالدىدىن ئۆتەتتى، قاراپ ئولتۇرۇپ ئاشۇ ئادەملەر ھەققىدە، ياخشىلىق، يامانلىق توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزەتتى. «تۇرمۇش كەچۈرۈش ئاسان ئەمەس ئىكەن، ئەقىل، بىلىم بولمىسا ھايات روناق تاپمايدىكەن، ئادەم بولماقمۇ تەس ئىكەن…» دەيتتى ئىچىدە.
كۈنلەر مانا شۇنداق ئاسايىشلىقتا ئۆتۈۋاتقاندا، ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بەگتاش ئابدۇللا داموللا ۋاپات
بولدى. شەيخۇلىسلامنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن مەملىكەتنى قايغۇغا سالدى. بالاساغۇن ئەھلى دەھشەتكە تەتتى. مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆمگەن يابغۇ ئاتىسىنىڭ جەسىتى سېلىنغان جىنازىنى جامائەت كۆتۈرۈپ ماڭغاندا ھوشىدىن كەتتى. بىرىنچى بولۇپ جىنازىنى كۆتۈرگەن تۆت ئادەمنىڭ ئىككىسى — رەيھاندىن، يۈسۈپ ئاتا — بالا بولدى. بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بۇ زاتنىڭ نامىزىغا داخىل بولۇشتى.
قېرىپ مېڭىش — تۇرۇشى تەسلىشىپ قالغان بولسىمۇ تېخى ساق تۇرغان زەمۇران ئانا ئېرى بەگتۆمۈرنىڭ ئوچىقىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ، يۆتەل تۇتۇپلا تىنىقتىن قالدى. تېخى ئاتىسىنىڭ ئۈچ ئاغرىقىدا يېشى قۇرۇمىغان يابغۇ تىلى تىلىدەكلا يۇمشاق قېيىنئانىسىغا تولا يىغلاپ ئۈنلىرى پۈتۈپ كەتتى. يۈسۈپمۇ ئامراق مومىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا چىدالماي قالدى. ھەرەمگە ئېلىپ بارىمەن، دېگەن ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن رەيھاندىن ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلىمىغان بولسىمۇ يۈرىكى چاك — چاك بولۇپ ئېچىشتى. بەگتۆمۈر تۈگىشىپلا كەتتى. بوۋاينىڭ ئاپپاق ساقىلى يامغۇردەك تۆكۈلگەن يېشىدا يۇيۇلدى، ئۈچ ئاغرىقىدا تاماقمۇ يېمەي كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتتى ۋە دەپنە قىلىنغان قەدىناسنىڭ تېخى تېنى سوۋۇماي تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. ئارقا — ئارقىدىن كەلگەن بۇ مۇسىبەت رەيھاندىننى قايغۇ — ھەسرەتكە غەرق قىلىۋەتتى.
سۆيۈدە ئاققان، ئوتتە كۆيگەن ئاتا — ئانا ئۈچۈن پەرزەنتلەر قانچە يىغلىسا ئەرزىيدۇ. ئاھالە نېمى، قازاغا رىزا بولۇش — ھاياتلارغا كۈچ، غەيرەت بېغىشلايدۇ، لېكىن كۆپ كىشىلەر مۇسىبەت بولغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالىدۇ.
ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتى ئادەمگە ئۆز قەدر — قىممىتىنى تونۇتۇش دەپ چۈشەنگەن يۈسۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانىدى. ئۇ ئۆگىنىش، ئۆگىتىشكە شۇنداق بېرىلىپ كەتتىكى، باشقىلار ئۇنىڭغا گەپ قىلمىغۇچە كىتابتىن باش كۆتۈرمەيتتى، ھەتتا
ئاقىبەت ئۇنى چاقىرمىسا، ئۆزلۈكىدىن داستىخانغا كېلەي دېمەيتتى.
رەيھاندىنمۇ تۈگىمەيدىغان دۆلەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، كۆڭلىنى يەنە ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئەتەنگەندە ئوردىغا كەتسە چۈشتە كېلەتتى، بەزى كۈنلىرى چۈشتىمۇ كېلەلمەيتتى.
سۇلايمان ئارسلانخان بالاساغۇنغا كەلگەندىن بۇيان، مەملىكەت قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيۇۋەتكەندەك جىمىپ قالغانىدى. ئەلگە بولغان پايدا - زىياننى ئويلاپ ئىش كۆرىدىغان سۇلايمان ئارسلانخان قوشنا مەلىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرىكىدىن ياخشىلاپ، ئەلگە مەڭگۈلۈك تىنچلىق، ئامانلىق بېغىشلاش قارارىغا كەلدى. ئۇ رەيھاندىننى كۆپ سوۋغا - سالاملار بىلەن غەزنەۋىلەر مەملىكىتىگە، سەلجۇقىيلار ئېلىگە ئەۋەتتى.
رەيھاندىن غەزنەۋىلەر پايتەختى غەزنىيىن ① شەھىرىگە بېرىپ، سۇلتان مەسئۇدخان ھۇزۇرىدا بولدى. ئىككى مەملىكەت سودىگەرلىرىنىڭ چېگرادىن ئەركىن كىرىپ - چىقىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش توغرۇلۇق كېلىشىم ئىمزالىدى. رازى بولۇپ ئۆزۈلگەن رەيھاندىن ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يېڭىكەنت شەھىرىگە بېرىپ، سەلجۇقىيلارنىڭ يابغۇسى توغرۇلبەگ مىكائىل ئوغلى بىلەن كۆرۈشتى، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ سالىمىنى ۋە ئۇنىڭ دۇستانە ئۆتۈش توغرىسىدىكى ئارزۇسىنى يەتكۈزدى. توغرۇلبەگ قاراخانىيلار ئېلىنىڭ غەزنەۋىلەر ئېلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھېسابىغا سەلجۇقىيلار بىلەن دۇستانە ئۆتۈش ئارزۇسىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى، بولمىسا بۇ مەقسەتنىڭ
① غەزنىيىن — پاكىستاندىكى قەدىمكى شەھەر.
ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئوچۇقلا بىلدۈردى: — سەلجۇقىيلار قېرىندىشىغا قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، لېكىن غەزنىۋىيلەر ئۇنداق ئەمەس، ھاجىپ. سىلەر سۇلتان مەسئۇدخانغا ئىشىنىمەنلار. مەن ئىزىدىن قايتمايدىغان يولۋاس. ئەلھال، ھىندىلارغا قارشى يۈرۈش قىلماقچىمەن، سىلەر بىلەن ئاكا — ئۇكامدەك يېقىن ئۆتۈشنى خالايىمەن. شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، ئېيتقان مەنزىلگە يەتمىگۈچە توختىمايدۇ. رەيھاندىن غۇرۇرلۇق ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭغا يېقىنمىدى. ئۇ شاپ بۇرۇتنىڭ ئۇچىنى تولغاپ تەختتە مەغرۇر ئولتۇرغان توغرۇلبەگكە ئۇدۇل قاراپ دېدى: — سۇلتان ئالىيلىرى، ئوچۇق سۆزلۈك ئىكەنلا، مۇددىئالىرى چۈشىنىشلىك بولدى. ئەلۋەتتە، ئۆزلىرىنىڭ قاراخانىيلار ئېلى بىلەن قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشنى خالىيدىغانلىقلىرىنى بۇغرا قاراخانىمغا يەتكۈزىمەن. نېمىشقىدۇر توغرۇلبەگكە رەيھاندىن يېقىپ قالدى، ئۇنىڭغا سۇلتان مەسئۇدخاندەك زەر ياقىلىق تون كىيدۈردى ۋە ئالاھىدە سوۋغا — سالاملار بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. كۆزلۈك يىغىن ئاخىرلىشىپ قالغاندا رەيھاندىن قايتىپ كەلدى. يۈسۈپ قادار، يارۇق، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل، ئاشانبۇقا، ئۆدەشمىش قاتارلىق تۇغقانلار ۋە ئاتىسىنىڭ دوست — بۇرادەرلىرى بىلەن يەتتە چاقىرىم يەرگە ئالدىغا بېرىپ ئۆسۈرسۈزلۈك سۇنۇپ كۈتۈۋالدى. بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرىمۇ چىققانىدى. رەيھاندىن ئالدىغا چىققان يوغروش، سۇباشى، ھاجىپلار بىلەن ئۇدۇل ئورداغا كەلدى، ئوردا ئىشىكى ئالدىدا سۇلايمان ئارسلانخان ئۆزى كۈتۈۋالدى ۋە ئارامگاھ سارىيىغا باشلىدى. — كۆزىمىز يولىڭىزدا بولۇپ قالغانىدى، ھاجىپ، سالامەت يېتىپ كېلىپ بىزنى خۇشال قىلدىڭىز، — دېدى ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ. رەيھاندىن بۇغرا قاراخان تەختنىڭ سول تەرىپىدىكى
يۆلەنچۈكلۈك كۆرۈستە ئولتۇرۇۋېلىپ، يوغرىش بېشى ئورنىدا گەدەپ قىچقايغان ئىنانچۇبەككە دىققەت قىلدى. «باش پۇتۇكچى يوغرىش بېشى بوپتۇ - دە. سىلىق - سىپايە، گەپدان بۇ ئادەم سۇلايمان ئارسلانخانغا يېقىپ قالغان ئوخشايدۇ…» ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئورنىدىن تۇردى، قوللىرىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، غەزنەۋىلەر سۇلتانى ۋە سەلجۇقىيلار باش بوغى بىلەن قىلىشقان سۆھبەتنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئۇلار ئەۋەتكەن سوۋغاتلارنى مۇلازىملارغا كۆتۈرگۈزۈپ كىرىپ تەخت ئالدىدا قويدى.
سۇلتان مەسئۇدخان سۇلايمان ئارسلانخانغا چىرايلىق شىرازلىتىپ ئەۋەتكەن «شاھنامە» دېگەن كىتاب ناھايىتى مەنزۇر كەلدى. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇن سۈيى بىلەن ھەل بېرىلگەنىدى. ئۇ توغرۇلبەگ سوۋغا قىلغان ئالتۇن ساپلىق قىلىچقا شۇنداق بىر قاراپ قويۇپ قوشۇمىسىنى تۈردى. يېقىندىن ئاغچى ئۇلۇغلۇققا تەيىنلەنگەن بەگتۇتۇققا:
— بۇ قىلىچنى خەزىنىدە ساقلاپ قويۇڭ، — دەپ باشقا سوۋغاتلار بىلەن تاپشۇرۇپ رەيھاندىنغا قارىدى، — ھاجىپ، ئۆزلىرىگە مەلۇم، بۇغرا قاراخان بولغان ئادەمنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئەلگە ئەمىنلىك بېخىش ئېتىشتۇر. «يىراقتىكى دۈشمەندىن يېنىڭدىكى دوست خەۋپلىك» دېگەن ھېكمەت بار. مەن يىراقتىكى دۈشمەن غەزنەۋىيدىن خەۋپسىرەپ كەتمەيمەن. ئەمما، يېنىمىزدا قىلىچىنى بىلەۋاتقان دوست غەزنىۋىيدىن پەخەس بولۇشۇم زۆرۈر، دەپ قاراپ سىزنى ئۇ ئەلگە ئەۋەتكىنىم ياخشى بولغانىكەن. قېرىنداشلىق سالىمى بىلەن، ئىناق ئۆتۈش توغرىسىدا ۋەدە ئېلىپ كەپسىز، ناھايىتى خوش بولدۇم، بۇنىڭدىن پۈتۈن مەملىكەت ئەھلىمۇ چوقۇم خۇرسەن بولىدۇ.
سۇلايمان ئارسلانخان مەمنۇنىيەت بىلەن سۆزىنى تۈگىتىپ رەيھاندىنغا تون ياپتى. ئىنانچۇبەكنىڭ چىرايى بىر تۇتۇلۇپ ئەسلىگە كەلدى.
بۇغرا قاراخان غەزنەۋىيلەر، سەلجۇقىيلار ئېلىدىن مال ئېلىپ كەلگەن سودىگەرلەردىن باج - سېلىق ئالماسلىق توغرىسىدا پەرمان ئېلان قىلىپ، خانلىق، ئوردا ئەربابلىرىنى بېگ تېكىسگە تەكلىپ قىلدى.
رەيھاندىن ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان يۈسۈپ، يارۇق، ئادالار بىلەن ئوردىدىن كېچ كىرىپ قالغاندا قايتتى. ئىشىك ئالدىدا كۆز تىكىپ يابرا تۇت قىزى، كېلىنلىرى بىلەن ئاتتىن چۈشۈپ قوللىرىنى كۆكرىكىگە قويغان ئېرىگە تەۋەززۇ بىلەن ئېگىلىپ سالام بەردى. ئونىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چېھرىگە كۆز بۇلاقلىرىدىن سۇ قويۇلدى.
— يىغلىمىسىلا ئەزىزىم، مەن كەلدىمغۇ، — دېدى رەيھاندىن ھويلىغا كىرىپ.
ياقۇتتەك جۇلالانغان كېچىكى شەپەق تىنچ كۆل يۈزىدە ئالتۇن شارچىلارنى پەيدا قىلغانىدى. كۆزنەكنىڭ ئىزغىرىن شامىلى دەرەخلەرنى ئىرغاشتۇرۇپ، غازاڭ بولغان يوپراقلارنى تۆكمەكتە ئىدى.
رەيھاندىن كۆل بويىدا كېتىۋېتىپ، كىمنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك قىلىپ سوپىغا، ئوياق - بۇياققا تەلمۈرۈپ قارىدى، ئونىڭ يادىغا ئاتا - ئانىسى چۈشكەنىدى. ئۇلار ئاشۇ سوپىدا ئولتۇرۇپ كۆتەتتى، بىللە غىزالىناتتى. قەشقەردىن كەلگەندە ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالغان، ئاشۇ سوپىدا ئولتۇرۇپ مۇڭداشقانىدى، ئەمدى بولسا ئۇلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. كۆزلىرى ياشلانغان رەيھاندىن ساراي ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى. قۇدىلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يېرىم كېچىگىچە ئەھۋاللىشىپ قايتىشتى.
— بالام، سىلەرمۇ ئۆيۈڭلارغا كىرىپ ھاردۇق ئېلىڭلار، — دېدى رەيھاندىن ئوغلى بىلەن كېلىنىگە ئاتىلىق مېھرى بىلەن.
يۈسۈپ، ئاقبىرا ئامانلىق تىلىشىپ، تولۇن ئاينىڭ كۈمۈش نۇرىغا چۆمۈلگەن باغقا كىرىپ كېتىشتى.
ئايدىڭ كېچە شۇنچە جىمىجىت، گۈزەل ئىدى. رەيھاندىن
يابىرا بىلەن ھۇجرىسىغا چىقىشتى. — ياشىنىپ قالغاندا پۈتۈن يازنى سىلىسىز ئۆتكۈزۈش ماڭا تولىمۇ ئېغىر تۇيۇلدى، ئاتىسى. ئەمدى ئايرىلساق چىدالمىغۇدەكمەن، — يابىرا پىچىرلاپ ئېرىنىڭ بويۇن - بېشىنى سىلىدى. — خودايىم ئايرىماس، ئانىسى. قىزلىرىمىز بالىلىق بولۇشتى، ئوغلىمىزمۇ بالىلىق بولسا بولاتتى، — رەيھاننىڭ يۈرەك قېتىدىن چىققان بۇ تىلىكى يابىرانىڭ كۆڭۈل تارىنى چەكتى. — كېلىنىمىز ئېغىراياق، ئاتىسى. مەن بۇ خۇش خەۋەرنى بايىلا ئېيتماقچىدىم، ئادەم كۆپ بولغاچقا دېگۈم كەلمىدى. — بۇ راستمو ئانىسى؟ — بېشىنى كۆتۈرگەن رەيھاندىن شامنى ئۆچۈرۈپ قەددىناسنى باغرىغا باستى.
2
بالاساغۇندا يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرى باشلاندى. بۇغدايلار ئورۇلۇپ، ئورنىغا قوناق، چامغۇر تېرىلىپ بولدى. قەشقەر ئوردامغا تاۋاپ - سەيلىگە كەتكەن دېھقان، كاسىپ، تىجارەتچى، ھۈنەرۋەنلەرمۇ توپ - توپ بولۇپ قايتىپ كەلگىلى تۇردى. غۇلام - دەببىلىرى بىلەن قەشقەرگە كەتكەن يابىرا ۋە يۈسۈپ، ئاقساقاللارمۇ يېنىپ كەلدى. — خەۋەرمۇ قىلماي نېمانچە تېز يېنىپ كېلىشتىڭلار ئانىسى، مەن تېخى كۈزگىچە تۇرار دەپ ئويلىغانىدىم، — دېدى ئۇلار ئىشىكتىن تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەندە، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالغان رەيھاندىن پايپاسلاپ ئالدىغا بېرىپ. — ھېلىمۇ بالاساغۇندىن ئايرىلغىنىمىزغا ئىككى ئايدىن ئاشتى، ئاتىسى. سىلىنى سېغىنىپ تۇرالماي قالدۇق. ئەتەگەن - كەچلەردە سىلىنى قىينىلىپ قالارمىكىن دەپ غەملىرىنى يەپ
بالدۇرراق كەلدۇق.
رەيھانەنىڭ ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ئۇ يۈسۈپنى باغرىغا باستى، قورسقى يوغىناپ قالغان ئاقبىلەكتىن ھال سورىدى. ئاشخانىدىن چىققان ئايتمىش يۈگۈرۈپ كەلگۈنچە ئانىسىنى قۇچاقلىدى.
— جېنىم ئاپا، يېنىپ كەلدىڭمۇ؟ سېغىنىپ ئۆلەي دېدىم.
— يېنىپ كەلدىم قىزىم، سىڭىل — ئاچىلىرىڭ ئامان تۇرغاندۇ؟ ئارچۇن كېلىپ تۇردىمۇ؟
— ئاچىلىرىم ھەپتىدە بىر كېلىپ ئاتامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ئارچۇن ئىككى ھەپتىدە بىر كەلدى. قىزتۇرمىش ئىككىمىز سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۆي ئىشلىرى بىلەن بولدۇق.
— ھەرنېمە بولسا ئاتاڭلار ئوبدان تۇرۇپتۇ، — يابىرا بۇ قىزى بىلەن ئەھۋاللاشقاچ، قول — يۈزىنى يۇيۇپ كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ چىقتى.
ئۇلار باراقسان سۆگەتنىڭ مەجنۇنتاللىرى سايە تاشلاپ تۇرغان كۆل بويىدىكى سۇپىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. ئايتمىش دەرھال داستىخان سالدى، قىزتۇرمىش گەمدىن مۇزدەك ئانار شەربىتى، ئىككى تاۋۇز ئېلىپ چىقتى.
— مىلىكە ئادىرا ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ ئانىسى؟ ئوغلىمىزنىڭ ئورداغا بەكمۇ بارغۇسى بار ئىدى، — دېدى رەيھانەدىن كاسا قىلىپ قويغان تاۋۇزنى قەلەمىتراچ بىلەن ئويۇپ يەپ.
— ئەجەب مىلىكىنى سوراپ قالدىڭغۇ ئاتىسى، ئوردىدىكى توغقانلار ئەسلىرىدىن چىقىپ قالمىغاندۇ؟ ئۇلار توغرۇلۇق گەپ قىلىشنى خالىمامدىلايا؟ — يابىرانىڭ كۆڭلىگە كېلىپ سورىدى.
— ياق، قەدىرلىكىم، — دېدى رەيھانەدىن، — چۈنكى تاغلىرى بەگتاش جالالىدىن ۋە توغقانلارنىڭ ئامان — ئېسەنلىكى توغرۇلۇق تېخى كەتتاشا سۆزلىشەلمىدۇق. مىلىكە ئادىرا بىر
ئۇلۇغ ئانا، ئۇنىڭ ئامانلىقىغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلدى. ئۇنى دەسلەپتىلا سورىشىم ھەرگىزمۇ تۇغقانلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىمدىن ئەمەس، ئانىسى.
يابىرا دىدار كۆرۈشۈش خۇشاللىقىدىن مەڭزىگە تامغان ياشنى سۈرتۈپ دېدى:
— كۆڭۈللەرگە ئالمىغايلا، مۇنداقلا دەپ قويدۇم. بىز ئوردوخەنتكە بېرىپ ئاتامنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يۇغ بەرگەندىن كېيىن، ئوغلۇم، كېلىنىم بىلەن يېڭى ھىساردىكى ئوردامغا بېرىپ كەلدى، مەن تۇغقانلار قويۇپ بەرمەي بارالمىدىم، — يابىرا ھاياجانلىنىپ ئۆلتۈرگەن يۈسۈپكە نەزىرىنى يۆتكىدى، — بالام، مەملىكەت ئادامىنىڭ تىنچ — ئامانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىسلى.
ئاتىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن يۈسۈپ گېپىنى باشلىدى:
— ئاپام تۇغقانلاردىن ئايرىلالماي بىزنى يېڭى ھىسارغا ئۇزىتىپ قويدى. بەگتاش جالالىدىن ئاغامنىڭ بىر قىز، بىر ئوغلىمۇ بىزگە ھەمراھ بولۇپ بىللە ئوردامغا باردى. مەشرىق، مەغرىبتىن، جابۇلقا①، جابۇلسا② دىن بۇ قۇملۇق دەشتكە كەلگەنلەر ھېسابسىز كۆپ ئىدى. قاتمۇقات قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرغان سەيىت ئەلى ئارسلانخان بوۋىمىزنىڭ مەقبەرىسىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇق، ئاندىن ھەرەمخانىغا بېرىپ مەملىكەت ئادامى ئانىغا سالام بەردۇق، ئۆزلىرىنىڭ سوۋغا — سالىمىنى تاپشۇردۇق. مېنى تونۇپ ناھايىتى خۇش بولدى. «پېقىرە مەلىكە بولۇپ ئالتۇن تەختتە ئولتۇرۇشتىن كۆرە، مەرھۇم بوۋام سەيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ مەقبەرىسى ئالدىدا جەمەتلىرىمىزگە ئىنساب، ئاۋامغا ئامانلىق، قۇت تىلەپ ئۆتۈۋاتقىنىمدىن قىلچە ئەپسۇسلانمايمەن، بالام. يوقلاپ كەلگەنلەردىن ئالەمچە سۆيۈندۈم» دەپ خۇشال بولغىنىنى
① جابۇلقا — شىمال. ② جابۇلسا — جەنۇب.
ئىزھار قىلدى ۋە بىزنى ئالاھىدە ھۇجرىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئىستىقامەت، ئىبادەت قىلىپ يەتتە كۈن ئالتۇن تاش①تىن ئاش يېدۇق، خاسىيەتلىك «دوست بولۇقۇم»② دىن سۇ ئىچتۇق، «ئاللا!» دەپ داپ چېلىپ توغ سوقۇشتۇرغان نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئېتىقاد - ئىخلاسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن ۋۇجۇد - قەلبىمىز سۇدەك ئېرىدى. توققۇزىنچى كۈنى مەلىكە ئانىمىز مېنى ئالتۇن تاش ئورنىتىلغان ئاشخانىغا باشلاپ كىردى. گويا كىچىك بىر كۆلدەك چوغلوقتىكى قازان پىتقىلاپ قايناۋاتاتتى. تونچە ئاق كۆڭلەك، شاپاق دوپپا كىيگەن قارىقۇمچاق بىر يىگىت ئوچاققا ئوتۇن تاشلاۋاتاتتى. مەلىكە ئانا: «ئىنىم قىيات، بۇ يىگىت قورغۇندىن كېلىپتۇ، ئېيتىدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟» دېدى، يىگىت قولىدىكى كۆسەي بىلەن گۆرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى چوقچىلاپ قويۇپ ماڭا تىكىلدى: «مېنىڭ دەيدىغان سۆزۈممۇ يوق ئەمەس، سىز كىم بولىسىز ئۆكام؟» دەپ سوراپ ئېغىر تىندى، چىرايى قايغۇلۇق تۇس ئالدى. مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ: «قانداق گېپىڭىز بولسا ئېيتىڭ، يەتكۈزىمەن» دېدىم. ئۇ بېشىنى سىلاپ يان قىلىپ «بېگىسۇپ، قارائاك» دەپ قولىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەجەبلىنىپ «نېمە بولغان؟» دەپ سورىدىم. «بىر خوتۇن كېسىۋەتكەن» دېدى ئۇ. «ئۇ كىم؟» دەپ سورىدىم. «بۇ توغرۇلۇق ھېچكىمگە ئېيتمايمەن دەپ، بۇ قۇملۇق دەشتكە كېلىۋالغانىدىم. دۇنيادا ياشاي دېگەن ئادەم ئەجەب قىلماي، جان تىكىپ كۈرەش قىلماي ئامانلىق تاپالمايدىكەن، نەچچە كۈن تاماق يېمەي ھالسىزلىنىپ مەقبەرە يېنىدا يېتىپ قاپتىمەن. مەلىكە ئانىمىز ھوشۇمغا كەلتۈرۈپ، ئوسۇزلۇق، تاماق بەردى، دەرمان تاپتىم. مەلىكە
① ئالتۇن تاش — ئاشلىقنىڭ ھەممە تۈرىدىن سېلىپ ئېتىدىغان كاتتا قازان. ② «دوست بولۇقۇم» كىشىلەر «ئاللا — ئاللا دوست — دوست !» دەپ ھالقا بولۇپ سەكرىسە ئوقچۇپ سۇ چىقىدىغان سىرلىق بۇلاق.
ئانىمىز: «سەن ياخشى ئىش قىلىشنى خالامسەن؟» دېدى. «كۆپكە پايدىلىق ئىش بولسىلا قىلاي» دېدىم. «بۇ جاھاندا نەچچە مىڭ ئادەم تاماقتىنىدىغان قازاننى قاينىتىشتىن ئۇلۇغ ئىش يوق، دەپ، مېنى مۇشۇ ئالتۇن تاشنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ تاشقا كىشىلەر نېمە ئېلىپ كەلسە شۇنى سالىدىكەن. «سىز ئوچاققا ئوت قالاپ بۇ كاتتا تاشنى قاينىتىسىز، توختاپ قالسا بولمايدۇ» دېدى. «خوپ، مەلىكە ئانا» دەپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئالتۇن تاشنى قاينىتىشقا كىرىشتىم. تاۋاپ، ئىستىقامەت ئۈچۈن ھەر يىلى مانا شۇنداق چاغدا كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى يوق، ھەممىسى ئالتۇن تاشنىڭ ئىسسىقىدا ئېغىز تېگىدۇ. بۇ ئىشىمدىن قانچە خوشال بولسام، قولۇمنى رەھىمسىزلىك بىلەن كېسىۋەتكەن ئاشۇ باغرى تاش خوتۇندىن شۇنچە نەپرەتلىنىمەن. چاچلىرىدىن قاماللاپ سۆرەپ كېلىپ، مۇشۇ ئوچاققا تاشلىغۇم كېلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ نەپرەتلىك نامىنى تىلغا ئالغۇم يوق، ئىنىم» دېدى. مەن: «قارىغاندا، ئادەتتىكى ئاياللاردىن ئەمەس ئوخشايدۇ، يۇقىرى مەرتىۋە، ئىمتىيازغا ئىگە بولسا كېرەك» دېدىم. «شۇنداق ئۇكا، ئۇ بىر خانىش، ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇنىڭدىن ئۆچۈمنى ئالالمايمەن» دېدى ھەسرەتلىنىپ. ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى. «سىزگە زۇلۇم قىلغان ئۇ خانىش زادى كىم؟ نېمىشقا ئاشكارىلاشنى خالىمايسىز؟» دەپ سورىسام، ئۇ «ئاشكارىلىسام ماڭا نېمە پايدا، ئۇنىڭغا نېمە زىيان؟» دېدى. «ئۇنىڭ ئىشىنى ئاشكارىلىسىڭىز دەردىڭىز يېنىكلەپ قالار، بەلكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ خەيرخاھلىق قىلىشىغا ئېرىشىپمۇ قالارسىز. مېنىڭچە، چوقۇم ئۇ باغرى تاشتىن ئۆچىڭىزنى ئالالايسىز» دېدىم. قىيات لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا قارىغىنىچە زوۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپ كەتتى. قارىغاندا، قولىقى كېسەلگەندىن بۇيان بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، خانىشنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا ئىككىلىنىپ قىلىۋاتاتتى. «ئادەم ئادەمدىن قورققانسېرى توخۇ يۈرەك بولۇپ
كېتىدۇ، زىنھار قورقماسلىق كېرەك، قىيات ئاكا. قورقمىغان مۇراد - مەقسىتىگە يېتىپ بارالايدۇ» دېدىم. «راست دېدىڭىز ئۇكا، قورقۇپ تۇرۇۋاتقىنىمنى بىلىۋالدىڭىز» دېدى قىيات زوۋان سۈرۈپ، «توغرا مەسلىھەت بەردىڭىز. بۇ چاغقىچە مەلىكە مەندىن باشقا ھېچكىم مېنىڭدىن سىزدەك ھال سوراپ باقمىغان ۋە تەقدىرىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغانىدى. ماقۇل، سىز خالىسىڭىز مەن ئېيتاي. ئۇ باغرى تاش خوتۇن ئالتۇن تارىم قۇماربىكە!» دېدى ئۇ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇن تەسەللى بەردىم، ئابا. بىز ئوزاپ ئوردۇكەنتكە كەلدۇق. ئانام بىلەن ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىغا چىقىپ يەتتە كۈن ئىستىقامەت قىلدۇق. قايتىپ كېلىپ دۆلەتباغ ۋە ئارتۇچتىكى سەيلىگاھلاردا بولدۇق. مەن بۈگۈن بەگكە ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ۋە مۇھەممەد ئەل كاشغەرىي قاتارلىق ئۇستازلارنى زىيارەت قىلدىم. قەشقىر بۇغراخانى مەھمۇد ئارسلانخان ھۇزۇرىدا بولدۇم. مەھمۇد تېگىن بىلەن ئوپالغا بېرىپ بىللە شىكار قىلدۇق. ئومۇمەن، ئوردۇكەنتتىكى كۈنلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك، مەنىلىك بولدى. مەلىكە ئانىنىڭ يېقىنقى قىياتقا يولۇقتۇرغىنىدا ھېكمەت بار دەپ قارايمەن، ئابا. — قانداق ھېكمەت بار دەپ قارايلا، ئوغلۇم؟ — ھېكمەت شۇكى، بۇغرا قاراخانلار ئوردىسىغا بىر زەھەرلىك يىلان يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. — ئالتۇن تارىم قۇماربىكەنى دېمەكچىمۇ، ئوغلۇم؟ — شۇنداق، ئابا، ئۇ دارغا ئېسىلغان ئاسىم بولۇنبەگنىڭ قىزى. — ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خوتۇنى، ئوغلۇم. — گەپ شۇنىڭدا، ئابا. ۋاپادار ئايال سىياقىغا كىرىۋالغاندەك تۇرىدۇ.
رەيھاندىن ئويلىنىپ قېلىپ جىددىي تۇستا دېدى: — ھازىر تېخى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، ئوغلۇم.
سۇلايمان ئارسلانخان ئاقىللارنى دوست تۇتۇپ، مەملىكەتنى ئادىل سورۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز جەمەتىگە، ئۆزىنى ماختاپ ئۆچۈرۈپ كۆككە كۆتۈرگەنلەرگە ئىشىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇ «بۇغراخان مەدرىسىسى» دە بىلىم تەھسىل قىلىپ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن تالىپلاردىن ئون - يىگىرمىنى تاللاپ، ئىمتىھان ئېلىپ ئورداغا ئەسكەرمەھكىمى بولۇۋاتقانلىقىنى ماڭا ئېيتتى. يەنە سىلىنىڭ ئوردىدىن كەلگەن - كەلمىگەنلىكلىرىنى سوراپ، كۆرۈشۈش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سىلىنىڭ بۇ ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەنلىرى تولىمۇ ياخشى بولدى، بالام.
- مېنىڭ ئىمتىھان بېرىپ ئورداغا كىرگۈم يوق، ئاتا. رەيھانەنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
- بۇ نېمە دېگەنلىرى، بالام، بىر ئۆمۈر مەدرىسىدىن چىقماي ئۆتمەكچىمۇ؟ - سورىدى زەردە قىلىپ. ئۇنىڭ ئوغلىغا ئاچچىقلاپ گەپ قىلىشى تۇنجى قېتىم ئىدى. يۈسۈپ قولىنى كۆكسىگە ئالدى:
- يېقىن ئوغۇللىرىنى كەچۈرسىلە، ئاتا. بۇغرا قاراخان بىلەن كۆرۈشكۈم يوق دېمەكچى ئەمەسمەن، قاچان بولسا مەن كۆرۈشۈشكە تەييار. رەيھانە كۆلۈمسىرەپ دېدى:
- سىلى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە، ئوغلۇم، سىلىدەك پەرزەنتىم بولغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن، - رەيھانەنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىپىلدىدى، - ئىككى - ئۈچ كۈن دەم ئېلىۋالسلا، مەدرىسىگە بېرىپ ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلسىلە، كېيىنكى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى بۇغرا قاراخان ھۇزۇرىغا بارايلى، بولامدۇ، بالام؟
- بولىدۇ، ئابا. بۇ چاغقىچە ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ سۆز تالاشقىنىنى كۆرمىگەن يابرانىڭ سەل پەرىشان بولغان كۆڭلى ئارامغا چۈشتى. باياتىن ئېرى بىلەن قېيىنئاتىسىغا سەپ سېلىپ، گەپنىڭ
نەتىجىسىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولغان ئاقىبىرامۇ سۆيۈندى.
يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن دۈشەنبە ئەتەگەندە ئوردىغا باردى. مەھرۇم مەلكۈل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان ئاسالاغۇنغا كېلىپ كەتكەندىن بۇيان ئوردىغا كېلىپ باقمىغان يۈسۈپ چوڭايتىلىپ ھەشەمەتلىك ياسالغان چوڭ دەرۋازىدىن كىرگەندە ھاياجانلانغاندەك بولدى. توققۇزدىن قاتار بولغان قوشۇن بۇ دەرۋازىدىن سەپىنى بۇزماي چىقىپ كېتەلەيتتى. خىشلىق يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئوردا نۆكەرلىرىنىڭ مەشىق مەيدانى، سول تەرىپىدە گۈل - چىمەنلىك ۋە يېڭىدىن سېلىنغان كاتتا قەسر، چېپىلغان چوڭ كۆل بار ئىدى. يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن كېتىۋېتىپ «بۇ ئوردا بارغانسېرى كېڭىيىپ، باغۇبوستانلىق بولۇپ كېتىپتۇ» دەپ ئويلىدى. ئۇلار دىۋانخانىغا كىرگەندە، دىۋانبېگى بەگتۇتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ ھەرەمدىن چىققانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
رەيھاندىن دىۋانخانىدىكى باشقا ئەربابلار بىلەن بىرمۇبىر كۆرۈشۈپ، ئۇدۇلدىكى بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن كۆركەم ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى.
يۈسۈپ بۇ كاتتا ئازادە زالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يۇغروش بېشى، ھاجىبۇل ھۇججاب، دىۋانى ئارىزمۇ، توغرائى دىۋان، ئاغچى ئۇلۇغى، سۇباشى خانلارنىڭ رەڭگارەڭ نەقىش چېكىلگەن ئىشىكلىرىگە كۆز سالغىنىچە ئاتىسىنىڭ كەينىدىن قەدەم بېسىپ، بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باردى، ئىشىكئاغىسى ئىنائچۇق تېگىن بىلەن تىنچلىق - ئامانلىق سوراشتى.
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى يۇغروش بېشى بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ، ھەرەملىرىنىڭ كەلگىنىنى خەۋەر قىلايمۇ؟ — سورىدى ئىشىكئاغىسى تەۋەززۇ بىلەن.
— سەل تەخىر قىلسىلا، جاناپلىرى، كۈتۈپ تۇرايلى، — رەيھاندىن ئۇ كۆرسەتكەن كۇرسىغا كېلىپ ئولتۇردى.
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ كەيپىياتى قانداقراق؟ — بىلىگۈسى كېلىپ سورىدى رەيھاندىن. — ناھايىتى ياخشى، ھاجىبۇل ھۇججاب، — باش لىڭشىتىپ جاۋاب بەردى ئىنائەتۇق تېگىن. مەرھۇم يۈسۈپ قادىرخان ۋاقتىدىن باشلاپ بالاساغۇندا ۋەزىر بولۇپ كەلگەن بۇ ئادەم سۇلايمان ئارسلانخان بالاساغۇنغا كەلگەندىن بېرى ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمىتىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. بۇغرا قاراخانغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشنى قەتئىي مەخپىي تۇتاتتى. ئۇنىڭ ھازىر ئەھۋالنى ئوچۇق دېيىشكە تىلى بارمىدى. چۈنكى، بۇغرا قاراخان نەچچە كۈندىن بېرى نېمىشقىدۇر خاپا كۆرۈنەتتى. خېلىدىن كېيىن ئىنانچۇبەگ چىقتى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجىبۇل ھۇججاب، ئەتەگىندە بۇ ئەزىز دەرگاھتا ئۇچراشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، — ئالدىن سالام بەردى ھېجىيىپ. ئۇنىڭ گۈلگەھلىرى ئېچىلىپ كەتكەنىدى، — بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىغا سالام بەردىلى كېلىپتىلا — دە، — ئۇ يۈسۈپكە قول ئۇزارتتى، — يېڭىلىشمىسام بۇ يىگىت ئۆتكەن يىلى تويى بولغان ئوغۇللىرىغۇ دەيمەن؟ قالتىس يىگىت بوپتۇ، كۆز تەگمىسۇن. — رەھمەت، يۇغرۇش بېشى، — دېدى رەيھاندىن، — بۇغرا قاراخانغا سالام بېرىش — بىزنىڭ سائادىتىمىز. ئۆزلىرىنىڭ يۇغرۇش بېشى بولغانلىرىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. ئىنسابلىق، سەمىمىي، ئادىل، ئەل سۆيەر يولباشچىغا خەلق ھەر زامان موھتاج، جانابلىرى، — رەيھاندىن ئىنانچۇبەگنىڭ ئۆزگەن چېھرىگە كۆز سېلىپ، بۇغرا قاراخان سارىيىغا كىرىپ كەتكەن ئىشىكئاغىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆرمەي قالدى. يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ قولىنى تارتىپ قويدى. رەيھاندىن ئىشىكئاغىسىنىڭ كۆز ئىشارىتىدىن بۇغرا قاراخاننىڭ كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدى.
ئىنانچۇبەگ بۇغرا قاراخان سارىغا كىرىپ كېتىۋاتقان رەيھاندىن بىلەن يۈسۈپكە كۆز تىكىپ، سارغۇچ ساقىلىنى «خەپ» دېگەندەك سىيپاپ قويدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، دىدارلىرىغا مۇشەررەپ قىلغان ئاللاھتىن ھەزرەتلىرىگە ئامان - ئېسەنلىك تىلەيمىز، — دېدى رەيھاندىن سۇلايمان ئارسلانخان خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغان تەختكە يېقىنلاپ.
ئويغا غەرق بولغان بۇغرا قاراخان خېلىدىن كېيىن بېشىنى كۆتۈردى، ئۇ خاپا كۆرۈنەتتى.
— ھاجىپ، ۋاقتىدا كەلدىڭىز. ئوغلىڭىزنى ئېلىپ كەلگىنىڭىزدىن خوش بولدۇم، كۆرۈشكۈم بار ئىدى، — بۇغرا قاراخان ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ماۋەرائۇننەھرنىڭ ئېلىكخانلىرى ئالىپ تېگىن①، بۆرە تېگىنلەرنىڭ قاراخانىيلار ئېلىدىن بۆلۈنۈپ چىقماقچى بولۇۋاتقىنى توغرىلۇق ئالدىنقى ھەپتە ماڭا سۇنغان مەلۇماتىڭىز راست ئىكەن، ھاجىپ. بۇنى يۇغرۇش باشى ئىنانچۇبەگمۇ ئىسپاتلىدى. بۇ ھەقتە يېڭى خەۋەر بارمۇ؟ سىزنىڭ قانداق مەسلىھەتىڭىز بار، بىلمەكچىمەن.
بۇغرا قاراخاننىڭ سۆزىگە سەما بولۇپ ئولتۇرغان يۈسۈپ «ئالىپ تېگىن، بۆرە تېگىنلەرنى ئوردىدىن يىراقلاشتۇرماسلىق كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ ياش ئىكەنلىكىگە قارىماي ماۋەرائۇننەھردەك كاتتا دىيارنى تۇتقۇزۇپ قويغان بۇغرا قاراخاننى ئاتاممۇ ئەيىبلىيەلمەيدۇ…» دەپ ئويلاپ قالدى. رەيھاندىن ئېغىز ئاچتى:
— ئالىيلىرى، ئۈلۈشكۈن سەمەرقەنتتىن يەنە چاپارمەن كەلدى. ئالىپ تېگىن، بۆرە تېگىنلەر ماۋەرائۇننەھرگە قاراشلىق شەھەر، قەلئەلەرنىڭ سۇباشى، ھاكىملىرىنى زورلۇق بىلەن
① ئالىپ تېگىن — مۇھەممەد تېگىن، بۆرە تېگىننىڭ ئاكىسى.
ئۆزلىرىگە بەيئەت قىلدۇرغاندىن كېيىن، غەزنەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى خۇراسانغا ھۇجۇم قىپتۇ. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇلارنى ئوبدان ئۇچۇقداپ قويۇش زۆرۈر، دەپ ھېسابلايمەن. — بۇ ئىشەنجىلىك خەۋەرمۇ، ھاجىپ؟ — ئىشەنجىلىك، ئالىيلىرى، سەمەرقەنت ئېلىكخان ئوردىسىدىكى ھاجىپ رەھمەتۇللا بالاساغۇنى ئەۋەتكەن چاپار مەن ئۇلۇشقۇن بۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەلۋەتتە، دەرھال قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇ ھەددىدىن ئاشقان شاھزادىلەرنى ئۇچۇقداپ قويۇش زۆرۈر. — ئۇچۇقداپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ھاجىپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش كېرەك، — سۇلايمان ئارسلانخان نەزىرىنى سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغان يۈسۈپكە يۆتكىدى، — يۈسۈپ، سىز بىلەن ئەركىن — ئازادە پاراڭلاشقۇم بار ئىدى. قارىمىساق، مەملىكەت ئىشى بېشىمىزنى قاتۇرماقتا. ئاڭلىدىڭىز، بۇ ھەقتىكى قارىشىڭىزنى ئېيتىپ باقسىڭىز، بىر ياخشى مەسلىھەت چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. يۈسۈپ قويۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى: — خاقان ئالىيلىرى، قاراخانىيلار مەملىكىتىنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرى بەرپا قىلغان. بۇ بىر نېمەتكە توشقان باھاسىز ئالتۇن تاۋاقكى، ئۇنى پارچىلاشقا، باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىشكە، باشقىلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇشقا زىنھار بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا قەدەر بۇغرا قاراخان بولۇپ كەلگەن سۇتۇق بۇغراخان ئەۋلادى بۇ ئالتۇن تاۋاقنى باشقىلارغا تارتۇزۇپ قويماي، چىڭايتىپ، مۇستەھكەملەپ كەلدى. ئالىيلىرىنىڭمۇ بۇ خىسلەتلىك ئالتۇن تاۋاقنى تارتىۋېلىشقا ياكى پارچىلاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنى قارا نىيەتكە ھەرگىز يەتكۈزمەيدىغانلىقلىرىغا ئىشەنچىم كامىل. ئىككى شاھزادەنىڭ بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقىنىغا كەلسەك، قاتتىق ئۇچۇقداپ قويۇش ياكى باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىۋېتىش — ئۇلارنى نىيىتىدىن ۋاز
كەچۈرەلمەيدۇ، — يۈسۈپنىڭ ئاۋازى بوش چىققان بىلەن پىكرى كېسكىن ئىدى. ئۇ سۆزىگە دىققەت — ئېتىبارىنى بەرگەن خاقان بىلەن ئاتىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئۈنۈنى سەل كۆتۈردى، — ئۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ سانىغاچقا، بۇغرا قاراخانلىق تەختىنى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ دەپ بىلىدۇ. ئۇلارنى بۇ تونۇشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، قىلىچ كۆتۈرۈپ قان تۆكۈش ئارقىلىق ئەمەس، مەردلىك، كەڭ قورساقلىق، كۆيۈمچانلىق بىلەن قايىل قىلىش، كۆندۈرۈش مۇمكىن. لېكىن، بۇ ۋاقىت ھەم سەۋر — چىدام تەلەپ قىلىدۇ.
سۇلايمان ئارسلانخانمۇ، رەيھاندىنمۇ جىم ئولتۇرۇپ كەتتى. ھەر ئىككىيلەن يۈسۈپنىڭ پىكرىنى مۇلاھىزە قىلماقتا ئىدى.
«بۇ يىگىتنىڭ گېپىدە بىر ياخشى مەسلىھەت بار. ئالدىراپ قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغاندا، بىھۇدە قان تۆكۈلىدۇ، خانلىقىمىزغىمۇ، ئاۋامغىمۇ زىيان بولىدۇ، شاھزادىلەرنىڭ جەھلى قاتىدۇ، قارشىلىقى كۈچىيىدۇ. ياخشىسى، كۆكسى — قارنىمنى كەڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن بىر ئۇرۇنۇپ كۆرەي» دەپ ئويلىغان سۇلايمان ئارسلانخان قەتئىي نىيەتكە كەلدى.
— ھاجىپ، ئوغلىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىلدى. ئىشەنچۈبەكنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، ئۇنى ئۆز ئورنۇمدا باش قىلىپ، بەش تۈمەن سىپاھ بىلەن ماۋەرائۇننەھرگە يۈرۈش قىلدۇرماقچى بولغانىدۇم. ئۇ شو دەم بۇ قارارىمدىن ياندىم. ھازىرچە لەشكەر ئورنىدا مەكتۇپ ئەۋەتەي، ھاجىپ، سىز سەپەرگە تەك بىر بېرىپ كېلىڭ. مەن قاراخانىيلار ئائىلىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەممە بايلىقىمدىن كېچىشكە، جاندىن جۇدا بولۇشقا رازىمەن.
— بۇغرا قاراخان ئائىلىرى، يېقىرمۇ شۇ ئارزۇدا.
ئەمرلىرىنى ئادا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن، رەيھاندىن قوپۇپ تەزىم قىلدى.
سۇلايمان ئارسلانخان ئورنىدىن تۇرۇپ تەختتىن چۈشتى، يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
يۈسۈپ ئىنىم، سىز بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا قاتنىشىڭ، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز، دېدى.
رەيھاندىن دەرھال جاۋاب قايتۇر، دېگەن مەنىدە ئوغلىغا ئىللىق نەزەر تاشلىدى.
بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، ماڭا مۆھلەت بەرسىلە، ئۆگىنىدىغانلىرىم تېخى كۆپ. ئىككىنچى يا ئۈچىنچى قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشسام، ئۆتۈندى يۈسۈپ قول باغلاپ تۇرۇپ.
سۇلايمان ئارسلانخان تۇرۇپ قېلىپ باش لىڭشىتتى.
ماقۇل يىگىت، ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتنىشىڭ، بۇغرا قاراخاننىڭ چېھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم پەيدا بولدى، ئەمما ماڭا بىر ئىش قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.
باش ئۈستىگە، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، يۈسۈپنىڭ قارا كۆزلىرىدىن بىر ئۇچقۇن چاقنىدى، بۇيرۇسلا، جان دەپ ئادا قىلىمەن.
سۇلايمان ئارسلانخان جىددىي تۇسقا كىردى:
سىزگە تاپشۇرىدىغان خىزمەت شۇكى، ئاكا ئۇكا ئېلىكخانلارغا مېنىڭ نامىمدىن بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بېرىڭ، بولامدۇ؟
باش ئۈستىگە، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، يۈسۈپ يەكتەك بولۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى.
چۈشلۈك تاماقتىن بىللە يەيلى، قېنى، مەرھەمەت، سۇلايمان ئارسلانخان ئۇلارنى باشلاپ خاقان تاماقتىخانىسىغا چىقتى.
3
سەلتەنەت شەھىرىنى گۈگۈم قوينىغا ئالدى. قاندەك قىزارغان ئۆپۈك يۈزىدە ئالتۇن تاۋاق كەبى يارقىرىغان كۈن بارا - بارا كىچىكلەپ غايىپ بولدى. تۈن قارا پەنجىسىنى يېپىندى.
يىراقتىن ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ئوتقاشلار كۆرۈنۈپ، ئاتلارنىڭ ئوپۇر - توپۇرى ئاڭلانغاندا، قاراۋۇللار گۈرزىلىرىنى تەك تۇتۇپ قېتىپ تۇرۇشتى. ئاتلىقلار يېقىنلاپ، ئوتقاشلارنىڭ يىلان تىلىدەك سوزۇلغان شولىلىرى سېپىل تېمىدا ئاجايىپ شەكىللەرنى پەيدا قىلدى.
قاپقارا ساقال - بۇرۇتلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن، كۆزلىرى ئوتتەك يانغان، پولات دۇبۇلغىسىغا ئالتۇن ئوتۇغات قادالغان، بويلۇق، تەمبەل بىر سەركەردە دەرۋازىدىن بىرىنچى بولۇپ ئات چاپتۇرۇپ كىردى. بۇ شىكاردىن يانغان ئىبراھىم بۆرە تەگكەن ئىدى. ئۇ بوستانلىق كوچىلاردىن، شام چىراغلار يۇلتۇزدەك يېقىلىپ كەتكەن گۈزەللەردىن ئۆتۈپ، قارغۇي دەپ ئاتىلىدىغان كۆزىتىش مۇنارىنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشۈپ تۇرغان ئوردا ئالدىغا كەلدى.
بۆرە تەگكەن ھەرقاچان شىكاردىن يانغاندا ئۆز - ئۆزۈرالار كۈتۈپ تۇرغان بولاتتى. بۇ كەچمۇ ئۇنى ئوردا ئەمرى كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ئۇتتۇرا بويلۇق، چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىشقا باشلىغان خوش چىراي بىر ئادەممۇ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام بەردى. ئۇ يوللۇق شايى تون كىيىپ، بېشىغا سەللە ئورىغانىدى.
بۆرە تەگكەن ئوتقاش يورۇقىدا ئۇنىڭغا سەپسىلىپ قاراپ ئاتتىن چۈشتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خوش كېلىپسىز رەيھانىدىنبەگ ئاغا، — ئۇ قول بېرىپ كۆرۈشتى.
— سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى ئۆزلىرىگە سالام يوللىدى، شاھزادە. — تەڭرى بۇغرا قاراخان ئاغامنى ئامان قىلغاي، قاچان كەلدىڭىز، ھاجىپ ئاغا؟ — بۈگۈن چۈشتىن يانغان مەھەلدە، ئالىيلىرى. — مەن يوق بولۇپ قاپتىمەن، — بۆرە تېكىن ئېتىغا غانجۇغىلاپ قويغان تۈلكە تېرىسىنى سىلاپ قويدى، — مەن پات-پات شىكارغا چىقىپ، بىرنەچچە كۈن تاغ-دالالارنى ئايلىنىپ كېلىمەن. شىكار قىلىنغان چاغلاردا غەزنەۋىيلەر ياكى سەلجۇقىيلار بىلەن جەڭ قىلىپمۇ تۇرىمەن. بۇ قېتىم شىكارىمىز ئولجىلىق بولدى. مەن ئۈچ تۈلكە، يەتتە جەرەن، ئىككى ئارقار ئوۋلىدىم، ئېتىۋالغان قۇشلارمۇ ئاز ئەمەس، قۇتلۇق دەمدە كېلىپسىز، بەگ تەرىكىگە قاتنىشىپ بېرىسىز. — رەھمەت، ئالىيلىرى، ئەلۋەتتە قاتنىشىمەن. — بىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىمىزگە بىر قانچە يىل بوپتۇ، بەگىيۈسۈپ يەنىلا مەدرىسىدىمۇ؟ — شۇنداق، ئالىيلىرى، مەلكۈل مەشرىقنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوردىكىنەتتە كۆرۈشكەنىدۇق. ئوغلۇم مەدرىسىدە ھەم ئۆگىنىپ، ھەم ئۆگىتىۋاتىدۇ. ئۇلار سۆزلەشكەچ ئوردا دەرۋازىسىغا قەدەم باستى. رەيھاندىن «بۆرە تېكىن ياش بولسىمۇ، ھۆكۈمرانغا خاس ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش، مەنسىتمەسلىك، مەغرۇرلۇق، كەسكىنلىك، ئالدىراڭغۇلۇق، بېپەرۋالىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈپتۇ. ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلدۇرالايدۇ. لېكىن، ياۋايىلارچە قاراملىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى، ساددىلىقى يەنىلا بار ئىكەن» دەپ ئويلاپ قالدى. بۆرە تېكىنگە بەگ ئەۋلادى بولغان تاجدىنلۇق رۇمدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئەل كەزگەن، كۆپنى كۆرگەن ئوقۇمۇشلۇق زات ئىدى. بۆرە تېكىن ئونىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن پادىشاھلارچە يۇرت
سوراشنى ئوبدانلا ئۆگىنىۋالغانىدى. ئاكىسى مۇھەممەد ئالىپ تېگىن ئۇنىڭغا قارىغاندا ئېغىر - بېسىق، مۇلايىم بولسىمۇ، ئىچى كۈچلۈك، ھەسەتخور ئىدى، ھەمىشە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، بولۇپمۇ ھارۇن بۇغراخان ئەۋلادىنىڭ بۇغرا قاراخان بولۇشىغا چىش - تىرنىقى بىلەن قارشى ئىكەنلىكىنى ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىدە ئىپادىلەپ تۇراتتى. بۇ بۆرە تېگىنگە تەسىر قىلغانىدى. لېكىن، بۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۈن چىقماي كېلىۋاتاتتى. ئۆتكەن يىلى خارەزم شاھى مەئمۇننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، جەڭنى توختاتقان بولسىمۇ، غەزنىۋىلەرنىڭ زېمىننى بېسىۋېلىش نىيىتىدىن يانمىغانىدى … ئو رەيھاننىڭ تۇيۇقسىز كېلىشىنى چوقۇم بىر مۇددىئا بار، دەپ تونۇغاچقا ئۇنى ياخشى كۈتۈۋالدى.
بەگ تېكىننىڭ ئېلىكخان سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. رەيھاندىن ئۆزگىە تاجدىلمۈلۈك بىلەن بۆرە تېگىن ئوتتۇرىسىدا ئولتۇردى. داستىخان ئۈستىدە پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىنغان كەكلىك، قىرغاۋۇل، ئۆردەك - غازلار ئاز ئەمەس ئىدى. جەرەن، كېيىك، توشقان، ئارقار، بۇقا - ماراللارمۇ پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىنغاندى. زىياپەت تۈن نىسبىچە داۋام قىلدى. نەچچە ئون خۇمرا شاراب ئېچىلىپ بولدى. تاجدىلمۈلۈك ئۇنىڭغا ئىززەت - ئىكرام بىلەن شاراب تۇتقان بولسىمۇ، رەيھاننىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاڭلاپ زورلاپ تۇرۇۋالمىدى. بۇ ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېتىدىغان ئاقىللاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. بەگ تېكىن ئاخىرلاشقاندا، بۆرە تېگىن شىكار ئولجىلىرىنى ئوردا ئەھلىگە تەقسىملەپ بەردى. ئۆزى تۈلكە تېرىسىدىن ئىككىنى تاللاپ:
— ھاجىپ ئاغا، شىكار ئولجىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئېسىلى مۇشۇلار ئىكەن، قوبۇل قىلغايسىز، — دېدى.
— ھەققاللا، شاھزادە، — رەيھاندىن ئىككى قۇللاپ، مويى پارقىراپ تۇرغان تېرىلەرنى ئالدى.
رەيھاندىن بامدات نامىزىغا ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كەتتى، چالا ئۇيقۇلۇقتا كۆزلىرىنى ئاستا ئاچتى. ئۇ ئۆيدىكىلەرنى چۆشەپ قالغانىدى: ئاقبىرا يەتكەنمىش… يۈسۈپ چىرايلىق بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈپ تۇرارمىش… يابىرا «ئاتىسى، نەۋرىلىرىنى كۆرگۈلىرى كەلمىدىمۇ؟» دەۋاتقاندەك…
بۇ خاسىيەتلىك چۈش رەيھاندىننىڭ ئۇيقۇسىنى پۈتۈنلەي قاچۇرۇۋەتتى. تاھارەت ئېلىۋېتىپمۇ، ناماز ئۆتەۋېتىپمۇ بولغۇسى نەۋرىسىنى خىيالىدىن چىقىرالمىدى. تاجدىنمۇلىك كېلىپ، بۆرە تېگىننىڭ ئەتەگىلىك تاماكقا تەكلىپ قىلغىنىنى ئېيتتى. رەيھاندىن پادىشاھ ئاشخانىسىدا بۆرە تېگىن بىلەن كۆرۈشتى، ئۇنىڭ كەيپى چاغ ئىدى.
— ئاكام مۇھەممەد ئالىپ تېگىن خارەزىمدە. قېيىنئاتامنى غەزنەۋىيلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۈندەتسەلا، خۇراسانغا يۈرۈش قىلىمەن. بىزنىڭ غەزنەۋىيلەرگە بويسۇنۇشىمىز يوق. بەلكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەۋلادى بولغان بىزگە بويسۇنۇشى كېرەك. توغرىمۇ، ھاجىپ ئاغا؟
رەيھاندىن بۇ مەغرۇر شاھزادىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىدى. چىنىدىكى سېرىق ماي ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت چاينى ئىچكەن بولۇپ ئويلىنىۋالدى، ئاندىن:
— ئالىيلىرى، ئاكىلىرى بىلەن سىلى بۇغرا قاراخانلار جەمەتىنىڭ ئىككى تۈۋرۈكى، رەھبەرلىرىنىڭ مانا شۇنداق مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشۇۋاتقانلىرىدىن بۇغرا قاراخان ئەۋلادلىرى ناھايىتى مەمنۇن. ئەمما، غەزنەۋىيلەر بىلەن ئالدىراپ جەڭ قىلىشقا ئۆزلىرى قوشۇلمىغايلا؟ — دېدى.
— نېمىشقا؟ — بۇ سوئالنى بۆرە تېگىن ئەمەس، تاجدىنمۇلىك قويدى.
— غەزنەۋىيلەرنىڭ ھازىر تازا كۈچەيگەن ۋاقتى. ئۇلار ھىندىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىشقا كىرىشتى، پۇل بىلەن جەڭ
قىلغۇچى سىپاھىلىرىمۇ بار. — ئېيتقانلىرى راست، ھاجىبۇل ھۇججاب، ھازىر غەزىنەۋىلەرنىڭ تازا كۈچەيگەن ۋاقتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھىندىلار ئېلىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان ۋاقتىدا شاھزادىلىرىم باشتۇرۇپ كىرسە نۇسرەت قازىنىدۇ. ئۇلارنىڭ پىللىرىغا قارشى بىزنىڭ كەرگەدانلىرىمىز بار، — تاجسىمانلىق كۈلۈمسىرەپ رەيھاندىنغا چاي سۇندى. — ئەگەر سۇلتان مەسئۇد پىل مىنىپ جەڭگە كىرسە، مەن كەرگەداننى مىنىپ كىرىپ ئۇلارنى تەرپىتەن قىلىۋېتىمەن، — دېدى بۆرە تېگىن ئىشەنچ بىلەن ۋە قوشۇپ قويدى، — ئاكام ئالىپ تېگىن ئىككىمىز سۇلتان مەسئۇدقا ھەرگىز بويۇن ئەگمەيمىز. — شاھزادەم، سۇلتان مەسئۇد ھەربىيلىرىگە بويۇن ئېگىدۇ، — تاجسىمانلىق سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغان رەيھاندىندىن سورىدى، — شۇنداق ئەمەسمۇ، ھاجىبۇل ھۇججاب. — شۇنداق، يۇغرۇش بېشى، — ئويغا چۆمگەن رەيھاندىن باش لىكشەتتى، — مۇھەممەد ئالىپ تېگىن، ئىبراھىم بۆرە تېگىن ئالىيلىرى بولغاچقا غەزىنەۋىلەر ئېلىمىزگە باستۇرۇپ كىرەلمەيلا قالماستىن، سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان جەندە شەھىرىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان سەلجۇقىيلارمۇ كۆز ئالالمايدۇ. لېكىن، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خەلقىمىز ئۇرۇشقا ئەمەس، تىنچلىققا موھتاج، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى مۇشۇ ئارزۇسىنى ھەربىيلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن پېقىرنى سەمەرقەنتكە ئەۋەتكەن، — رەيھاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قويۇن يانچۇقىدىن مەكتۇپنى ئېلىپ بۆرە تېگىنگە سۇندى، — بۇ ئاكىلىرى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ھەربىيلەرگە يازغان خېتى.
① كەرگەدان — بۇ مۈڭگۈزلۈك ھايۋاننى بۇرۇنلاردا باتۇرلار مىنىپ جەڭگە كىرگەن.
بۆرىتېگىن خەتنى ئېلىپ كۆز يۈگۈرتتى:
«ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. جەڭگاھتا غالىب، تەخت ئۈستىدە شەپقەتلىك ئىنىلىرىم مۇھەممەد ئالىپ تېگىن بىلەن ئىبراھىم بۆرىتېگىنگە: پۈتۈن ئالەمنى ياراتقۇچى تەڭرىتائالا، موھتاجلىق، ياردەم، ياخشىلىق، يامانلىق… ھەممە نەرسىدىن بىھاجەتتۇر، لېكىن بەندىلەر — مەيلى، ئۇ شاھ، پۇقرا بولسۇن، مەيلى باي، گاداي بولسۇن، ئالىم، نادان بولسۇن، ھامان ھەممىسىنىڭ بىر-بىرىگە ھاجىتى چۈشىدۇ، بىر-بىرىگە موھتاج بولىدۇ، بىر-بىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، بىر-بىرىگە ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىدۇ. ھايات شۇنداق داۋاملىشىدۇ ۋە شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ. بۇغرا قاراخانلار جەمەتىنىڭ ھاياتىمۇ ئەنە شۇنداق داۋام قىلىۋاتىدۇ. قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، سەيىت ئەلى ئارسلانخان، ھارۇن بۇغراخان بوۋىلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتتى. ئالىپ ئەھمەد تۇغانخان، مەنسۇر مەشرىق يۈسۈپ قادىرخان ئاتىلىرىمىز قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تاجسىز خېتىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى. شەرق تەرەپتە كۈسەن دىيارىغىچە، شىمالدا تەڭرىتاغلىرىدىن تارتىپ بالقاش كۆلى، ئىدىل بويلىرىغىچە، غەربتە خارەزم، خۇراسان دىيارىغىچە ئوردۇكەنت، قۇزئوردۇنى ئاستانە قىلغان قاراخانىيلار ئېلىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى، بۇ كاتتا ئەل بۇغرا قاراخان بولغان يىگىرمىنىڭ سوقۇپ تۇرغان يۈرىكى، بۇ ئېلىنىڭ بىر غېرىچ يېرىدىن ئايرىلىش — يۈرىكىمنىڭ بىر پارچىسى كېسىلىپ كەتكەن بىلەن باراۋەر. سىلەر مېنىڭ يۈرەك پارىلىرىم، سىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشنى زىنھار خالىمايمەن. سىلەرنى قەدىرلەيمەن، ھۆرمەتلەيمەن، دايىم سېغىنىمەن، قېرىنداشلىرىم. يېقىن ئاكىلارغا بۇ كاتتا ئۇلۇغ مەملىكەتنىڭ شاھلىقىنى
تەھرىم بەرگەنلىكەن، ئادالەت بىلەن ئەلنى سورىشىم، قوشنا ئەللەر بىلەن دوستانە ئۆتۈشۈم، كۆز ئالايتقان، باستۇرۇپ كەلگەن ياۋغا رەھىمسىز بولۇشۇم زۆرۈر، ئەلۋەتتە. مەملىكىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سىلەردەك ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا يېقىن تۇرۇش ئۈچۈن ئوردىكەنتتىن قۇزئوردۇغا كەلدىم، ئىككىلىرىنى باي - باياشات خارەزم، ماۋەرائۇننەھر دىيارلىرىنىڭ ئېلىكخانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدۇم. كۆتكىنىگە يارىشا مەملىكەت زېمىنىنى قوغداپ ۋە مۇھاپىزەت قىلىپ خەلقنى روناق تاپتۇرۇشتىلا، ئىشنىچىمىنى يەردە قويماي ئۈمىدىمدىن چىقىشتىلا، يېقىن بۈنۈگدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. ھالبۇكى، كەك، باياشات ئېلىمىزگە يېقىن - يىراقتىكى يەر ۋە بايلىققا تويمايدىغان شاھ، سۇلتانلار كۆز تىكمەكتە.
پادىشاھ سەگەك بولمىسا، ئوردىنى غەپلەت، ئەلنى پالاكەت باسىدۇ. بىز ئاكا - ئۇكا بۇغراخان، ئارسلانخان، ئېلىكخانلار ھەر قاچان ھوشيار تۇرۇشىمىز، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مەغلۇبىيەتكە گىرىپتار قىلىشىمىز كېرەك. ئاسى، خائىنلارغا رەھىم قىلماي جازا بېرىشىمىز، بىزگە چىقىلمىغان ئەللەرگە چىقىلماسلىقىمىز، ئالدىراپ باشقا مەملىكەت تۇپرىقىغا بېسىپ كىرمەسلىكىمىز لازىم.
ئالىپ تېگىن، بۆرە تېگىن قېرىنداشلىرىم، سىلەرنى سېغىنىپ كۆرگۈم كېلىپ، بۇ مەكتۇپنى ھاجىبۇل ھۇججاپ رەيھاندىنبەگدىن ئەۋەتتىم. قانداق تەلەپ - تىلىكىڭلار بولسا يېقىن ئاقىلانىدۇرۇشۇغلارنى ئۈمىد قىلىمەن، جاۋاب مەكتۇپ يېزىپ يېقىننى مەمنۇن قىلغايسىلەر.
تۈگىمەس سالام، كامالى ئېھتىرام بىلە: قاراخانىيلار ئېلىنىڭ بۇغرا قاراخانى سۇلايمان ئارسلانخان.
ھىجرىيە 425 - يىلى جامادىيەلئەۋۋەل سانىنىڭ ① 17 - كۈنى، قوزغۇردۇ.»
بۆرىتېگىن مەكتۇپنى ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپ تاجدىنمۇلككە بەردى. ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتۇپنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى، ئاندىن بوسە قىلدى.
«بۆرىتېگىن بۇ مەكتۇپقا ئادەتتىكى مەكتۇپقا ئوخشاش قارىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى بۇغرا قاراخان بىلەن تەڭ ئورۇندا قويسا كېرەك» دەپ ئويلىغان رەيھاندىن، سوئال نەزىرى بىلەن ئۇلارغا قاراپ قويۇپ چايدىن سۈمۈردى.
ئويلىنىپ قالغان بۆرىتېگىن ئېغىز ئاچتى.
— بۇغرا قاراخان ئاغامنىڭ بۇ مەكتۇپى مېنى سەگىتتى، ئۇنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىمەن. ئەمما، غەزنەۋىيلەر، سەلجۇقىيلار بىلەن جەڭ قىلمىدۇق، دوست بولۇپ ئۆتەلمىدۇق، بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى. ئاغام بۇنىڭغا ئارىلاشمىسا بولاتتى. مەكتۇپتا بۇ توغرىلۇق ئۆزى بىلەن مەسلىھەتلىشىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. رەيھاندىنبەگ ئاغا، قاراخانىيلار ئېلىنى كېڭەيتىش، قۇدرەت تاپتۇرۇش بىزنىڭمۇ ئارزۇيىمىز ئىكەنلىكىنى، بۇغرا قاراخان جەمەتىنىڭ داڭقىنى چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بۇغرا قاراخان ئاغامغا ئېيتىپ خاتىرجەم قىلىپ قويۇڭ، — بۆرىتېگىننىڭ ساقال باسقان قارامتۇل يۈزىدە مەسخىرە كۈلكىسى پەيدا بولدى. قارا قاشلىرى ئاستىدىكى ئۆتكۈر يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ۋەھشىلىك ئۇچقۇنى چاقنىدى.
چېچىنى ئالدۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتقىچە ساقال - بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمىگەن ئىبراھىم بۆرىتېگىن سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ تەبىئىتىدە بۆرىنىڭ غەيرەتلىكى بىلەن قاراملىقى مەۋجۇت ئىدى. ساددىلىق، كۆرەڭلىك مىجەزىدىكى
① مىلادىيە 1034 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
خاسلىق ئىدى. ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان مېھرى - شەپقەت ئوتى، قەھرى - غەزەپ بىلەن ئالمىشىپ تۇراتتى. ئۇ جىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن ئەقىل - پاراسىتى، كۈچ - قۇۋۋىتى بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىگە ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن مەلىكە ئادىرانى ئۇنتۇمىغانىدى. ھەر يىلى سوغۇققا - سالام يوللاپ ھال سوراپ تۇراتتى. مانا بۇ مېھرى ئۇنى ئادەملىك تەبىئەتكە ئىگە قىلغانىدى. ئەمما، بەزى ھاللاردا، ئاچ قالغان بۆرىدەك قۇتراپ پۈتۈن دۇنيانى ۋەيران قىلىپ قايتىدىن بىنا قىلغۇسى كېلەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرىنى تاجمۇلكۇك تىزگىنلەپ تۇراتتى. بەزى چاغدا ئۇمۇ تىزگىننى تارتالماي قالاتتى، مەيلىگە قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولاتتى. بۆرە تەگكەن بۇ دانا، ئۆزىنى چۈشىنىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرەتتى، ھۆرمەت قىلاتتى، يېنىدىن نېرى قىلمايتتى.
تاجمۇلكۇك ئۇنىڭ بۇغرا قاراخان مەكتۈپىگە ئۆزۈل - كېسىل جاۋاب بەرمىگەنلىكىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىدى.
- بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ بۇ مەكتۈپى قاراڭغۇ دىلىمىزنى يورۇتقان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن بالا - قازاغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ. شاھزادەمنىڭ ئارىلىشىشى بولاتتى، دېگىنى - بۇغرا قاراخاننىڭ يۈكسەك ئىززىتى - ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزمەيمەن دېگىنى، ھاجىبۇل ھۇججاب، باشقىچە ئويدا بولمىغايسىز.
بۆرە تەگكەن تاجمۇلكۇككە ئالىيىپ قاراپ قويدى - يۇ، گەپ قىلمىدى.
-
توغرا دەيدۇ يۇغرۇش بېشى، پېقىرمۇ شۇنداق چۈشەندىم، - رەيھاندىن باشقا گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمەي قولىنى لۆڭگە بىلەن ئېرتتى. ئۇ تاماقتىن كېيىن ھال رەڭ گۆھەر كۆز قويۇلغان ئالتۇن تاج بىلەن ئالتۇن ساپقا ئورنىتىلغان قىزغۇچ ھال رەڭ تۇغنى بۆرە تەگكەنگە تاپشۇردى.
-
تاج ۋە قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ تۇغىنى ئالىيلىرىغا
سوۋغا قىلىپ ئەۋەتكەن سۇلايمان ئارسلانخان ئۆزلىرىگە سالامەتلىك، ماۋەرائۇننەھر خەلقىگە تىنچ - ئامانلىق تىلەيدۇ، ھۆرمەتلىك تېگىن!
بۆرى تېگىن تاچ ۋە توغنى ئېلىپ رەھمەت ئېيتتى، توغنى تاجسىمانلىككە بەردى:
— خەزىنىدە ساقلاپ قويۇلسۇن!
رەيھاندىن ئەپسۇسلانغان ھالدا باش چايقاپ قويدى. ئۇ سەمەرقەنتتە ئون بەش كۈن تۇردى، ئەتمىگەن - كەچلەردە تاجسىمانلىك، بۆرى تېگىنلەر بىلەن تاماقتا بىللە بولدى، سەيلە - ساياھەتكە، شىكارغا بىللە چىقتى، مۇڭداشتى، سىرداشتى. بۆرى تېگىن ئۇنىڭغا خېلى مايىل بولغاندەك قىلسىمۇ، نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقى ئايان ئىدى. رەيھاندىن سەمەرقەنتتىكى جاۋاھىرات دۇكىنىغا، تىللا سارىيىغا بېرىپ، خىزمەتچىلىرىدىن تىجارەت ئەھۋالىنى ئۇقتى، ياخشى تىلەك - ئارزۇلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئېلىپ كېتىدىغان سوۋغىلارنى تەييارلىدى. ئۇ يولغا چىقىدىغان كۈنى ئەتەنگەن مەسچىتتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، كۆل بويىدا دوقاقبەگ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ مېيىقىدا تەبەسسۇم پەيدا بولۇپ، قاشلىرى تەڭلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ساقاللىرىنى سىيپاپ، بىردەم بىر - بىرىگە قاراپ قېلىشىپ، ئاندىن سالاملاشتى.
— ھە، رەيھاندىنبەگ جاناپلىرى، كۈن مەغرىبتىن چىققاندەك، قەدەملىرى سەمەرقەنتكە يېتىپ قاپتىغۇ؟ — دېدى دوقاقبەگ قول ئۇزارتىپ.
— خۇددى سىلىدەك، دوقاقبەگ جاناپلىرى. ئۆزلىرى تالاستىن قاچان كېلىدىكىن؟ — رەيھاندىن شۇنداقتىلا قول ئۇزارتتى.
— ئاخشام، — زورۇقۇپ كۈلدى دوقاقبەگ. ئۇ سەمىرىپ، بوينى تۆۋرۈكتەك بولۇپ كەتكەنىدى. ئەسلىدە سەمەرقەنتكە كەلگىنىگە ئۈچ كۈن بولغانىدى.
— بۇغرا قاراخان ئالىملارنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلگىنىمگە ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى، يۇغرۇش. ئۆزلىرى نېمە ئىش بىلەن كەلدىلىكىن؟
— پېقىرمۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلدىم. كېلىشتىكى مۇددىئايىمىز بىر ئىكەن، قاچان كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇلا؟
— بۈگۈن.
— بۈگۈن؟! كۆرۈشۈپلا خوشلىشامدۇق، ئەپسۇس، بىرنەچچە كۈن بىللە بولساق كۆڭۈللىرىمىز ئېچىلىپ قالاتتى.
— رەھمەت، يۇغرۇش جاناپلىرى، قايتمىسام بولمايدۇ. خەير، سالامەت بولسىلا، يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز، — دېدى رەيھاندىن.
دوقاقبەگ ئۇنىڭ تېزرەك كېتىشىنى خالاپ تۇرغاچقا قول بېرىپ خوشلاشتى.
رەيھاندىن تېكىخانىدىكى ياتاق ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇشقا، تاجبىلمۈلۈك كىرىپ، بۆرە تېگىننىڭ ئارامگاھ سارىيىدا ساقلاۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى.
شاھزادە ئۇنىڭ شەرىپىگە كاتتا زىياپەت بەردى. توققۇز جۈپ سەمەرقەنت ئارغىمىقىنى بۇغرا قاراخانغا سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى. رەيھاندىنغا تون يېپىپ ئات مىندۈردى. رەيھاندىن بىلەن كەلگەن خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردىن ئات يوللۇق تۇتتى. بۆرە تېگىنمۇ، تاجبىلمۈلۈكمۇ دوقاقبەگنىڭ كەلگىنىدىن ئېغىز ئاچمىدى، رەيھاندىنمۇ ئۇچرىشىپ قالغىنىنى دېمىدى. ئۇ چاشكا ۋاقتىدا ئۇزاتقۇچىلار بىلەن خوشلىشىپ، بۆرە تېگىن ئۇنىڭغا بىر مەكتۇپنى ئۇزارتىپ:
— بۇغرا قاراخان ئاغام بۇ مەكتۇپنى ئوقۇسا جەزمەن خوشال بولىدۇ، — دېدى. رەيھاندىن تەئەززۇ بىلەن تەزىم قىلدى دە، ئاتقا مىندى.
— جاۋاب مەكتۇپتا: «ئالىملارنىڭ تەلەپلىرىنى ئادا قىلىمىز، خاتىرجەم بولسىلا» دەپ يېزىپسىز. بۇ مېنىڭ
ئىرادەمگە خىلاپقۇ، قوشۇمىسى تۆرۈلگەن بۆرە تەگكەن تاپىلمۇشلۇققا دوق قىلدى.
تەلەپلىرىنى ئادا قىلالمايمىز، دەپ يازسام، ئۈستىمىزگە لەشكەر تارتىپ كەلسە ئوبدان بولاتتىمۇ، شاھىم؟! ئەمدى ئونداق قىلمايدۇ، ئالىيلىرىمۇ جەڭگە كىرىپىرىسلا ! دېدى تاپىلمۇشلۇق كۆسۈرلەپ.
بۆرە تەگكەن ئونىڭغا قاراپ خېلى ۋاقىت زۇۋان سۈرمەي تۇردى، ئاندىن:
بۇ ئالدامچىلىق بولمامدۇ، يوغۇرۇش باشى؟ دېدى كەسكىنلىك بىلەن.
شۇنداق، ئالىيلىرى، بۇ جاھان ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت.
مەن ئونداق قىلالمايمەن! بۆرە تەگكەن كەينىگە ئۆرۈلۈپ ھەرەم قەسرىگە كىرىپ كەتتى.
يىگىرمە ئۈچىنچى باب: ئەل غېمىدە ئۆتكەن ئۆمۈر
1
باش كۈز. ئاشانبۇقىنىڭ بېغىدىكى ئەنجۈر ئىككىنچى قېتىم پىشتى. ئانارمو قىزىرىپ، ئۈزسە بولىدىغان ھالغا كەلدى. بوۋاي تۆت يىل ئىلگىرى، بۇ ئىككى مۆجىزىلىك دەرەخنىڭ كۆچەتلىرىنى قەشقەردىن مىڭ تەستە ئەكىلىپ بېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىككەنىدى، مانا بۇ يىل مېۋىگە كىردى. بالاساغۇندىكى باشقا باغلاردا تېخى ئانار، ئەنجۈر يوق ئىدى، ئەمدى بار بولىدىغان بولدى.
ئاشانبۇقا ئارسلان، ئەرتاتان ئىسىملىك ئىككى نەۋرىسىنى كەينىگە سېلىپ باغقا كىرگەندە، ئۆپۈق يۈزى ئوت كەتكەندەك لاۋۇلداۋاتاتتى. ئۇ قاتار باراقسانلاپ ئۆسكەن ئەنجۈر دەرەخلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى، «شاخ مانتىسى» دەپ پىچىرلىدى چوك - چوك يوپراقلار ئارىسىدىن مارىشىپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ ئەنجۈرلەرگە كۆزى چۈشۈپ.
ئون بەش ياشلىق ئارسلان بىلەن ئون ئۈچ ياشلىق ئەرتاتاننىڭ قوللىرى ئىختىيارسىز شاخلارغا سوزۇلدى.
— توختاڭلار، بالىلىرىم، — ئاشانبۇقا نەۋرىلىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇۋالدى، — مەن سىلەرنى نېمە ئۈچۈن باغقا ئېلىپ كىردىم، بىلەمسىلەر؟
— بىلىمىز، ئەنجۈر يېيىش ئۈچۈن.
— ياق! — بوۋاي بېشىدىكى ئاق شاپاق دوپپىسىنى ئېلىپ،
نەۋەرىلىرىنىڭ بېشىغا ئەركىلىتىپ ئۇردى، — ياق، ئەنجۈر يېيىش ئۈچۈن بولسا، ئۆتكىنىمىزدەك ئۈزۈڭلار يەپ چىقىڭلار، دەيتتىم. — ئۇنداق بولسا ئىشلەش ئۈچۈنمۇ؟ — ياق، ياق، ئىشلەش ئۈچۈن بولسا، قولۇڭلارغا كەتمەن تۇتقۇزۇپ قوياتتىم. — ئۆزۈڭ دېگىنە بوۋا، نېمە قىل دېسەڭ بىز تەييار. — ھە، جىگەرپارىلىرىم، بىلىپ قاپسىلەر، — دېدى بوۋاي، — بۈگۈن ئۆزگەن ئەنجۈر، ئانارنى يېمەيمىز. — نېمىشقا؟ — بالىلار ئەجەبلىنىپ بوۋىسىغا قاراشتى. — شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئەنجۈرنىڭ ئىككىنچى پىششىقى ئەڭ شېرىن، قوۋۇزلۇق بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ باش بۇرنىنى بىزگە شېرىن، مەنىلىك ھاياتبەخش ئەتكەن مەرد كىشىگە ۋە ئۇنىڭ بالىچاقىلىرىغا ئېغىز تەگكۈزمەكچىمەن. ئۇ كىشى كىم؟ بىلەمسىلەر؟ نەۋەرىلەر تەڭلا بوۋىسىدىن نۇرغۇن قېتىم تەرىپىنى ئاڭلىغان مەردانە كىشىنىڭ نامىنى ئېيتتى: — رەيھاندىنبەگ جاناپلىرى! — تاپتىڭلار، ئارسلانلىرىم، شۇڭا ئەنجۈرنىڭ مەي باغلاپ پىشقانلىرىدىن تەخسىگە، ئانارنىڭ قىزارغان چوڭلىرىدىن لېگەنگە تولدۇرۇپ ئېلىڭلار. بېرىپ ئۇ بۈزرۈكۋاردىن ھال سوراپ كېلەيلى. — كىشى قارا بەگىيۈسۈپكىمۇ ئېلىپ بارامدۇق؟ — سورىدى ئارسلان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۇستازى يادىدىن كېچىپ. ئۇ يۈسۈپنىڭ ئۇلۇغ ھاجىپنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، «بۇغراخان مەدرىسىسى» دە ئوقۇشقا باشلىغاندىن بېرى، ئۇنىڭ بۇ ياش، ئىستېداتلىق مۇدەررىس يىگىتكە ئىخلاسى كۆچۈپ كەتكەنىدى. — ئېلىپ بارىمىز، پىشقانلىرىنى تاللاپ ئۈزۈڭلار.
ئارسلان، ئەتراتانلار ئۈزۈشكە كىرىشتى. ئاشان بۇقا كۆرسىتىپ تۇردى. — بۇقا، — ئارسلان توۋلىدى. — ھە، نېمە دەيسەن، بەتباش؟ — كىشىلەر ئەنجۈرنى «جازالانغان دەرەخ» دەيدىكەن، بۇ راستىمۇ؟ — جازالانغان بولسا، نېمىشقا يەنە خاسىيەتلىك دەرەخ بولۇپ قالىدۇ؟ — سورىدى ئەتراتانمۇ. بوۋاي شىرىن باغلاپ پىشقان ئەنجۈرلەرنى تەخسىگە سېلىپ سۆزگە كىرىشتى: — بالىلىرىم، بۇ ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەقدىرى ھېكمەت. ئاللاتائالا ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئادەمنى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە كۈندە بىر كاتتا ئالەمنى بەرپا قىلغان. ئادەمنىڭ ياشىشى ئۈچۈن بۇ دۇنيانى، ئۆلگەندىن كېيىن يەنە تىرىلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇ دۇنيانىمۇ ياراتقان. ئۇ دۇنيادا سەككىز جەننەت، يەتتە دوزاخ بار. ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز ئاللا ھەر ئىككىلا دۇنيانى ھەممىدىن ئەقىللىق، قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئادەم ئۈچۈن ياراتقان. بۇنى كۆرەلمەي ھەسەت قىلغان ئىبلىس ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئادەمگە سەجدە قىلىشقا ئۇنماي، ئاللانىڭ ئەمرىگە بويۇنتLayout قىلغىنى ئۈچۈن شەيتان بولۇپ كەتكەن. ئاللا بەندىلىرىنى سىناش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بەرگەن، — بوۋاي قىزىپ ئاڭلاپ، ئاغزىغا قاراپ قالغان نەۋرىلىرىگە «ئۆزۈڭگەچ تېگىشالار» دەپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۈردى، — ئادەمئاتىمىز ئەسلىدە جەننەتتە ئىدى. ئۇ ئايال قىلىپ يارىتىلغان ھاۋائانىمىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، شەيتان ئۇلارنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ، ئاللا يېيىشنى مەنئى قىلغان شىرىن مېۋىنى يېگۈزۈۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يالىڭاچلىنىپ قاپتۇ. ئادەم ئۈچۈن ئەۋرىتى ئېچىلىپ قېلىشتىنمۇ چوڭ شەرمەندىلىك يوق. شۇڭا، ئۇلار ئەۋرىتىنى
دەرحال يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن دەل-دەرەخلەردىن ياردەم سوراپتۇ. بىرلا ئەنجۈر ئېچ ئاغرىتىپ، ھەممە دەرەخلەرنىڭكىدىن چوڭ بولغان يوپۇرمىقىنى بېرىپتۇ. ئادەمئاتىمىز بىلەن ھاۋائانىمىز ئەۋرەتلىرىنى شۇ ئان يوشۇرۇۋاپتۇ. لېكىن، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئاللا ئۇلارنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغىنى ئۈچۈن جازالاپ جەننەتتىن بۇ دۇنياغا ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. ئۇلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلىپ، ئاللادىن مەغپىرەت قىلىشنى تىلەپتۇ. ئاللا ئېپۇ قىلىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىپ بىللە ياشاشقا رۇخسەت قىلىپتۇ ھەم بۇغداي، گۈرۈچ قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى، ئەنجۈر، ئانار كەبى مېۋىلىك دەرەخلەرنى بۇ دۇنياغا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ رىزقىنى مول قىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى يېپىش ئۈچۈن يوپۇرمىقىنى بەرگەن ئەنجۈر دەرىخىنى ئۈچ قېتىم پىشىدىغان، مېۋىسى شېرىن، خاسىيەتلىك دەرەخكە ئايلاندۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇ.
— بىلدۇق، بوۋا، بۈگۈن بىلگە كىشى قارادەكلا سۆزلەيدىكەن، — دېدى ئەرتاتان ئاكىسىغا قاراپ قويۇپ، — بۇ ئىلمىي ھېكمەتنى كىمدىن ئۆگەنگەندىڭىز؟
ئاشانبۇقا تېزلا جاۋاب بەردى:
— ھاجىبۇل ھوججاپ مەۋلانا رەيھاندىن بەگ جاناپلىرىدىن، بالام. ئەنجۈر دەرىخىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى يېپىشنى، خالىس ياردەم قىلىشنى ھاياتىنىڭ مەقسىتى قىلىشلار، بالىلىرىم.
— ماقۇل، بوۋا.
— ئەمدى ئانارنى ئۆزەيلى.
ئەنجۈرلۈكتە مېۋىگە كىرگەن بەش تۈپ ئەنجۈر بولغىنىدەك، ئانارلىقتىمۇ بەش تۈپ ئانار بار ئىدى. ئەرتاتان كۆز يۈگۈرتۈپ سورىدى:
— ئاناردىمۇ خىسلەت بارمۇ، بوۋا؟
— دۇنيادا خىسلەتسىز نەرسە يوق، بالىلىرىم. ئەنجۈر
مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ يوپۇرماقلىق دەرەخ، مېۋىلىرىنى يوپۇرماقلىرى يوشۇرۇپ تۇرىدۇ. ئانار بولسا ئەڭ كىچىك يوپۇرماقلىق دەرەخ، مېۋىلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەنجۈرگە ئوخشاشلا خاسىيەتلىك، ئاغرىققا شىپا، يۈرەككە داۋا. ئۇنىڭ بىر تېلىنىمۇ يەرگە چۈشۈرۈۋەتمەسلىك زۆرۈر. چۈنكى، ئانارنىڭ خاسىيىتى بىر تال دانىدا بولۇپ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن دان خاسىيەتلىك دان بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئاشۇ خاسىيەتلىك داندىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن ئانارنىڭ ھەممە دانلىرىنى قالدۇرماي يېيىش شەرت. ئەمدى چۈشەنگەن بولساڭلار خىللاپ چوڭلىرىنى ئۈزۈڭلار.
— ماقۇل، بوۋا، — دېيىشتى باللار ئانارنى ئۈزۈشكە كىرىشىپ.
— ئاتا! … ئاتا!
ئاشان بۇقا ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قارىدى. ئايتمىش ئالدىراپ كېلىۋاتاتتى. «كېلىنىم نېمىشقا بۇنچە ئالدىراپ كەتكەندۇ؟» دەپ جىددىيلىشىپ قالدى ئۇ. ئۇنىڭغىچە ئايتمىش يېتىپ كەلدى.
— ئاتا، يەڭگەممۇ تۇغۇت تۇتقانىكەن، ئابامنى چاقىرغىلى قىزتۇرمىش كەپتۇ.
— بۇ خوش خەۋەر ئىكەنغۇ، بالام، ئانىلىرى جابدۇندىمۇ؟ مانا مەن ھازىرلا باللار بىلەن چىقىمەن.
ئۇ نەۋرىلىرى بىلەن ئەنجۈر، ئانارلارنى ئېلىپ باغدىن چىققاندا، بودراچ موماي كېلىنى بىلەن تەييار بولۇپ تۇرغانىدى.
— قىز بولۇپ كېتىپتۇغۇ، خوتۇن، — چاقچاق قىلدى ئاشان بۇقا، ھۆر دېدەكلەر ئاتخانىدىن ئېلىپ چىققان مېنى ئىشارەت قىلىپ.
— ئوھوش، قېرىغىنىنى تويمايدىغان. ئەر كىشى قېرىپ كۆزلىرى خىرەلەشكەندە مومايمۇ قىز كۆرۈنۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ، — بودراچ موماي جاۋابلاپ نەۋرىلىرى بىلەن مېپىگە چىقتى. قاقاھلاپ كۈلگەن ئاشان بۇقا قامچىنى تۇتۇپ مېپە ئالدىغا
ئولتۇردى.
ئۇ ئۆتكەن يىلى بەگتۆمۈر، زەمۇران ئانا ئارقا - ئارقىدىن ۋاپات بولغاندا، ئاخىرقى ئىككى قۇلىنىمۇ ئازاد قىلىۋەتكەنىدى. پۈتۈن باغباراڭ، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى ھۆر دېھقانلارگە قىلىشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۆزىمۇ نەۋرىلىرى بىلەن بىكار تۇرماي تەك ئىشلەيتتى. ئۈچ ئات قوشۇلىدىغان مەپىنى تولا چاغلاردا ئۆزى ھەيدەيتتى، بۈگۈنمۇ قامچىسىدىن قاس چىقىرىپ ئۆزى ھەيدەپ ماڭدى. ئايتمىش چوق ئىككى ئوغلى بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئاتلىق يولغا چىقتى. بالاساغۇن شەھىرىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئاۋاتلىشىپ كېتىۋاتقان كوچا - مەھەللىلىرىدىن كۆز ئۈزمەي كېلىۋاتقان ئاشان بۇقانىڭ كۆزلىرى ياشلاندى. «قوزۇردۇ، قوزۇردۇ، گۈزەللىشىپ كېتىپسەن. ھاياتىمنىڭ پەيزىنى تازا سۈرىدىغان ۋاقتىمدا قېرىپ پۇتلىرىم گورگە ساڭگىلىدى…»
ئۇلار شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان بەگبۇقا مەھەللىسىگە چاشكا ۋاقتىدا يېتىپ كېلىشتى. ئالدىغا چىققان خىزمەتچى غۇلاملار ئۇنىڭ قولىدىن قامچا، چۇلۋۇرنى ئالدى. ئايتمىش، ئوغۇللىرىنىڭ ئاتلىرىنىمۇ ئېغىلغا ئېلىپ كېتىشتى. ئارسلان، ئەرتاتانلار ئانار ۋە ئەنجۈر سېلىنغان لېگەن - تەخسىلەرنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىرىشكە، ئىچكىرى ھويلىدىن چىققان رەيھاندىن، يابىلار كېلىپ كۆرۈشتى.
— چاقىرىقلىق ئادەم بارمىسا كەلمەيدىغان بولۇپ كېتىشتىڭلار، بۈدرەچ ئانا. قىزىم ھەرىپلىرىنى دەپ كەلمىگەن بىلەن كۈيۈئوغلوم بويانقار كۈندە دېگۈدەك كېلىپ بىزنى خوش قىلىپ تۇرىدۇ. كېلىنىمنىڭ تولغىقى تۇيۇقسىز تۇتۇپ قېلىپ بالا ئېۋەتكەنىدىم. ياخشى كېلىشىپلا، — دېدى يابىرا ئاغرىنغاندەك قىلىپ.
— كەلمەيدىغان ئاغىچا خېنىم. ئۆي ئىشى قىلغانغا تۈگىمەيدىكەن، نەۋرىلەر كۆپىيىپ، بوسۇغا داۋاندىن
چىقمىقىمىز تەس بولۇپ قالدى. بىز ئۈچۈن ھەر كۈنى بېرىپ ھال سوراپ قويغىن، دەپ ئوغلۇمغا تاپىلاپ تۇردۇم. تېخى بۈگۈن بالىلارنىڭ ئاتىسى بارماقچى بولۇپ تۇراتتى، — بودراچ موماي ئۆزىنى قويۇپ ئاندىن دېدى، — ئەمدى مەن كېلىن خېنىمنىڭ يېنىغا كىرەي.
بودراچ موماي، يابىرا، ئايتمىشلار ئاقبىراننىڭ خانىسىغا كىرىپ كەتتى. رەيھاندىن ئاشانبۇقا، نەۋرىلىرىنى ئايۋانغا باشلىدى.
قائىدە يوسۇن بويىچە ئاقبىراننىڭ بىرىنچى تۇغۇتى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ۋاقىتنى ئېنىق مۆلچەرلىيەلمىگەچكە، تېخى يۆتكەپ كېتىلمىگەنىدى. شۇڭا، ئانىسى ھاۋاخان ئاغىچا چۆش بولاي دېگەندە يېتىپ كەلدى. ئاقبىراننىڭ تولغىقىمۇ پەسەيگەنىدى. ھاۋاخان ئاغىچا يابىرانىڭ «بۇمۇ ئۆز ئۆيى، مەشەدە تۇغسىمۇ ئوخشاش» دېگىنىگە ئۇنماي، بودراچ موماي بىلەن قىزىنى ئېلىپ كەتتى.
يۈسۈپ مەدرىسىدىن چۈشلۈك تاماMechanicsقا كەلگەندە ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ھەم خۇشال بولدى، ھەم ئەنسىرەپ قالدى. ئاشانبۇقا ئېلىپ كەلگەن ئەنجۈرگە ئېغىز تەگدى.
يۈسۈپ قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولۇپ ئورنىدىن قوپتى دە، جىددىيلىشىپ تۇرۇپ قالدى، ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئاتىسىنىڭ سولغۇن چىرايىغا كۆزى چۈشكەنىدى. «نېمە بولغاندۇ؟ چىرايى باشقىچە تۇرىدۇغۇ. بىرەر يېرى ئاغرىمدۇ ياكى ئوردىدا بىر ئىش يۈز بەردىمىدۇ؟» ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كەلدى.
— ئاتا، ئەھۋالىرى قانداقراق، مەيۈس كۆرۈنىسىزغۇ؟
رەيھاندىننىڭ سولغۇن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى:
— ئەھۋالىم ياخشى، بالام. نەۋرەمنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇۋاتىمەن.
— بەگ غوجام، ئاتاساغۇنغا كۆرۈنۈپ باقسىلا بوپتىكەن.
بەگىيۈسۈپ بالام ئېيتقاندەك چىرايلىرى باشقىچە تۇرىدۇ، — دېدى ئاشان بۇقا زەھن سېلىپ قاراپ.
رەيھاندىننىڭ چېھرىدە سېھرلىك بولمىسىمۇ، ئىلگىرىكىدەك خۇشخۇيلۇق يوق ئىدى، غەمكىن، سولغۇن كۆرۈنەتتى. قارا كۆزلىرىدە دائم چاقناپ تۇرىدىغان نۇر غايىب بولغانىدى.
— ياق، سىلەرگە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتقان ئوخشايمەن. ھېچ ئىش يوق، چارچاپ قالغان بولسام كېرەك.
— ئاتا، ئاتاساغۇنغا بىر كۆرۈنۈپ باقسىلا.
رەيھاندىن يۈسۈپنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى.
— ماقۇل، بالام، ئوردا ئەمچىخانىسىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باقاي، ئەمما ئەنسىرىگۈدەك كېسەل مەندە يوق، — ئۇ ئاشان بۇقاغا قارىدى، — بوۋاي، مەن ئوردىدىن كەلگۈچە كەتمەكچى بولامدۇ؟ كەچتە سىز بىلەن تازا بىر مۇڭداشقۇم بار. نەۋرىلىرىمنىمۇ كەتكۈزۈۋەتمەك، ئۇلارغا بېرىدىغان سوۋغام بار.
— ماقۇل، ماقۇل، بەگ غوجام، ئۆزلىرىنى كۈتىمەن.
رەيھاندىن ئىككى خىزمەتچىسى بىلەن ئوردا تەرەپكە كەتتى. يۈسۈپ ئىشىك ئالدىدا ئاتىسىنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇردى، ئۇ ئەنسىرەپ قالغانىدى. ئۆيگە قايتىپ كىرىپ ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالدى — دە، قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. ئۇ ھويلىغا قەدەم قويغاندا، ئوقۇۋاتقان قىزلارنىڭ ئاۋازىنى ئەمەس، تولغاق قىيناۋاتقان ئاقبىرانىڭ نالىسىنى ئاھ، تۇرغان يېرىدە چىچىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى: «خۇدا، ئۆزۈڭ ئاسان قىلغىن، تولغاق ئازابىنى ئۆزۈڭ راھەتكە ئايلاندۇرغىن. مۈشكۈلنى ئاسان قىلغۇچى، ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى سېنىڭدىن باشقا مەدەتكار يوق…» دەپ چىن قەلبىدىن ئىلتىجا قىلدى.
ئاقبىرا ئۈچ كۈن تولغاق ئازابىنى تارتىپ، تۆتىنچى كۈنى چولپان تۇغقان تىمتاز سەھەردە كۆزى يورۇدى. ئۇ قىز تۇغقان ئىدى. يۈسۈپنىڭ كۆڭلى ئورنىغا چۈشتى. داۋاملىشىۋاتقان ئادەت
بويىچە ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇمنىڭ ئىشىكىگە تۈلكە تېرىسى ئېسىلدى. سۇلايمان ئارسلانخان ئۆلۈك ھايۋانلارنىڭ بېشىنى ئېسىشنى مەنئى قىلغانىدى.
ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇممۇ، ھاۋاخان ئاغىچىمۇ خۇشال بولغىنىدىن سۆيۈنۈپ ئىككى قوي، بىر كالىنى سويدۇرۇپ، گۆشىنى يېتىم - يېسىرلارغا خامتالاش قىلىپ بەردى. يۈسۈپ ئېلىپ كەلگەن ئىككى قوچقارنى سويدۇرۇپ، تېرىسىگە ئاقبىرانى ئالدى.
رەيھاندىن، يابرامۇ نەۋرىسىنى كۆرگىلى كېلىشتى. بىر قارىسا ئاتىسىغا، بىر قارىسا ئانىسىغا ئوخشىغان بوۋاق كۆزىنى يۇمۇپ ئاق يۆگەك ئىچىدە يىغلاپ ياتاتتى. ئۇ كۆزىنى ئاچقاندا ئېچىلدى، خۇشاللىقتىن لەرزىگە كەلگەن رەيھاننىڭ يۈرىكى تىپچەكلەپ، قىسىلغاندەك بولۇپ ئاغرىپ كەتتى. كۆزلىرى بوۋاقتا بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ كۆكىرىپ كەتكەن چىرايىغا ھېچكىم زېھن قويمىدى. پەقەت بوۋاق يېنىدا سۆيۈنۈپ ياتقان ئاقبىرا ئالا كۆرۈپ قالدى. «قېيىنئاتامنىڭ چىھرى غەلىتە بولۇپ كەتتى يا، نېمە بولغاندۇ؟» دەپ ئەنسىرىگەن بولسىمۇ ئاغزىدىن چىقىرالمىدى. رەيھاننىڭ چىرايى ئۇزاق ئۆتمەي ئوڭشىلىپ قالدى. نېمە بولغىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالغانىدى. قايتىدىغان چاغدا كېلىنىگە، بوۋاققا دۇئا قىلدى.
رەيھاندىن تۇغۇتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى بىر قوچقارنى ئېلىپ كېلىپ، نەۋرىسىگە «بۆشۈكئاشى» دەپ ئات قويۇپ بەردى ۋە پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. ئارقىدىن مۇبارەكلىپ ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم، يۈسۈپ، ئاندىن ئاقبىرا، قويۇق ئاغىچىلار سۆيدى.
— مۇبارەك بولسۇن، ئوغلۇم. سىلى ئاتا بولدىلا، — دېدى رەيھاندىن يۈسۈپنىڭمۇ پېشانىسىگە سۆيۈپ، — ئاتا بولۇش ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن شەرەپ، ھېچ كىشىنى ئاللا بۇ شەرەپتىن مەھرۇم قىلمىسۇن، — ئۇ كۆز تىكىپ تۇرغان يابرامغا مىننەتدارلىق نەزىرىنى تاشلىدى.
يۈسۈپ نامازدىگەرندىن كېيىن ئاتىسى بىلەن بىللە ئۆيگە
قايتىپ كەلدى. رەيھاندىن: — بالام، مەن بىرئاز ئارام ئېلىۋالاي، شامغا يېقىن مېنى توۋلاپ قويسىلا، نامازنى بىللە ئوقۇيلى، — دەپ خانىسىغا كىرىپ كەتتى. رابىئە، ئايتىمىشلارمۇ يېنىپ كەلدى. يۈسۈپ كۆز ئالدىغا كېلىۋالغان قىزنى يەنە كۆرگۈسى كېلىپ، قولىغا قەلەم ئالدى:
تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز — ئوغۇل، ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
ئېرىغ ياخشىنى ئال ئېنىڭگە قىلىپ، ئوغۇل — قىز ئۆسەر پاك ۋە ساغلام بولۇپ.
ئوغۇل — قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ، بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ. ①
رابىئە ئاشخانىدا چاي دەملەپ چىقتى، ئۇ ھەرقاچان ئېرىگە ئۆزى چاي دەملەپ بېرەتتى. ئۆيگە كىرىپ، رېھىلگە باش قويۇپ ئولتۇرغان رەيھاندىنلا خۇشبۇي تاراپ تۇرغان چاينى تەڭلىدى: — ئاتىسى، چاي ئىچسىلە. رەيھاندىن زۇۋان سۈرمىدى. «ھېرىپ — چارچاپ ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان رابىئە ئۇنىڭ يېقىندىن تارتتى: — ئاتىسى، چاي ئىچىۋالسىلا. يەنە جاۋاب بولمىدى. — ئاتىسى، ئاتىسى! — دەپ توۋلىدى يۈرىكى قارتتىدە قىلغان رابىئە رەيھاننىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ. ئۇنىڭ خىيالچان تىكىلگەن نۇرسىز كۆز قارىچۇقلىرى قېتىپ قالغانىدى. رابىئە!
① «قۇتادغۇ بىلىك» 4504 ~ 4506 - بېيىتلەر.
— ۋاي خۇدايىم، بۇ نېمە ئىش؟ يۈسۈپ بالام، ئاتىلىرى… — دەپ توۋلاپ ھوشىدىن كەتتى. يۈگۈرۈپ چىققان يۈسۈپ ئۇيقۇسىدا ياتقان ئانىسىنىڭ باغرىغا باش قويغان ئاتىسىنى كۆردى، ئۇنىڭ چىرايى سەبدىرەدەك سارغىيىپ كەتكەنىدى. دۆلەت ئىشى، ئېلىنىڭ غېمى بىلەن قاتتىق ھېرىپ - چارچاپ، ھالسىزلىنىشتىن يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇلۇغ ھاجىپ بالىچاقلىرى بىلەنمۇ ۋىدالىشالماي ئۇ دۇنياغا ئەنە شۇنداق جىمىجىت كېتىپ قالدى. — ئاتا! ئاتا! — يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان يۈسۈپ توۋلاپ رەيھاننىڭ بېشىنى كۆتۈردى، تېنى سوۋۇپ كەتكەنىدى. — ئاتا! — ئۇنىڭ يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان پىغانلىق ياش كۆزلىرىدىن يامغۇردەك تاراملىدى. جەسەتنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ، دېرىزە ئالدىغا سېلىقلىق يەكتەنداز ئۈستىدە ياتقۇزۇپ، ئىگىكىنى تېڭىپ قويدى. ئانىسىنىڭ تىنىقىنى تىڭشاپ نەپەس ئېلىۋاتقىنىنى بىلدى، يۈرىكى ناھايىتى تېز سوقۇۋاتاتتى. — ئابا! ئابا! كۆزلىرىنى ئاچسىلا ئابا! — نالە قىلغان يۈسۈپ، يابرانى بۆشۈكتەك تەۋرەتتى. ئانا ئۆندەپ كۆزىنى ئاچتى. — بالام، جېنىم ئوغلوم، ئاتىلىرى … — ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي يەنە ھوشىدىن كەتتى. شۇ چاغدا ئايتمىش كىردى، دەسلەپ نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي ھاڭ-تاڭ قالدى، يۈسۈپتىن ئۇقۇپ ئۆزىنى ئاتىسىنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. — ئاتا! ئاتا! نېمىشقا گەپ قىلمايلا، ئاتا … — ئاچا، ئەمدى بېشىمىزنى تاشقا ئۇرساقمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. سىلى ئاتام، ئانامغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇپ تۇرۇسلا. مەن چىقىپ غۇلام - دەھلەكلەرگە ئېيتىپ، قورۇق - توغقان،
قولۇم - قوشۇنلارغا مۇناسىۋەت خەۋىرىنى دەرھال يەتكۈزەي، - يۈسۈپ ئېچىكرى - تاشقىرى ھويلىدىكى دېدەك - غۇلاملارنى، باغقا قارىۋاتقان خىزمەتچى، ئىشلەمچىلەرنى تەرەپ - تەرەپكە ماڭدۇردى.
2
كۈن پاتتى. بۇغرا قاراخان ۋە پۈتۈن بالاساغۇن ئەھلى ھاجىبۇل ھۇجراپنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپتى. ئۈزۈلمەي كەلگەن پەتچىلەر بىلەن ئىچكى ھويلا، ئايۋان - ساراي، ھۇجرا، مېھمانخانىلار، باغ سەينىلىرى توشۇپ كەتتى، ھەر ياندىن قۇرئان تىلاۋەت قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى.
بۇ ئۆلۈم ناھايىتى تۇيۇقسىز بولغاچقا، پادىشاھتىن تارتىپ ئاۋامغىچە بولغان ھەممىلەنگە چۆچۈتۈۋەتتى.
ئاق سەللە ئوراپ، قارا تون كىيگەن يۈسۈپ، ئادامتۇغرۇل، ئاشانبۇقا، ئۆدەنمىش، ئادار، يارۇق، ئەربۇقلار مەرھۇمنىڭ يۈزلۈگەن دوست - بۇرادەرلىرىگە سەللە يۆگەپ قويدى.
شەيخۇلىسلام ئابدۇلھاپىز داموللا باشلىق تۆت نەپەر كىشى رەيھاندىننىڭ جەسىتىنى يۇيۇپ كېپەنلىككە ئالدى. جىنازىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭغاندا، قارا پەرەنجىگە پۈركەنگەن يابرا، ئايتۇلۇن، ئايسىلىگ، ئايتمىش، ئارچۇن، قىزلار زار - زار يىغلىشىپ ئىشىك ئالدىدا قېلىشتى.
بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان ئىنانچۇبەگ، تۆمۈر بۇقا نەسىردىنبەگ قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن جىنازىنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. جىنازا ئالدىدا يۈسۈپ، ئادامتۇغرۇل، ئاشانبۇقا، بويانقار، ئۆدەنمىش، ئادار، يارۇق، ئەربۇقا قاتارلىق تۇغقان، كۈيئوغۇللار باشلىرىنى تۆۋەن سالغان ھالدا تەكبىر ئېيتىپ ئۈنسىز يىغلاپ كېتىۋاتاتتى. جىنازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم باشلىق «بۇغراخان مەدرىسى» نىڭ مۇدەررىس، تالىپلىرى سۈرە ئوقۇپ ماڭدى. جىنازىنىڭ
ئارقىسىدىكى سەپ ئۆزۈندىن - ئۆزۈنگە سوزۇلغانىدى. ئەھلى بىلىملەر، تىجارەتچى - سودىگەرلەر، ھۈنەرۋەن - كاسىپلار، ياساۋۇل، سىپاھىلار سۈكۈت ئىچىدە ماڭماقتا ئىدى. كوچا - كوچىدىن چىققان جامائەت قوشۇلۇپ، ئازنا مەسچىت ئالدىدىكى «ئارسلانخان مەيدانى» ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.
تاڭ ئاتقان بولسىمۇ، ئاسماننى قاپلىغان بۇلۇتلار يورۇقنى توسۇۋالغانىدى. ناماز بامداتقا ئېيتىلغان ئەزان ئۈنى ئاڭلانغاندا، جىنازە مەسچىت سەيناسىغا ئېلىپ كىرىلدى. مەرھۇمنىڭ نامىزىنى شەيخۇلئىسلام ئابدۇۋاھابىد داموللا چۈشۈردى. جىنازىنى يەنە شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، چۆ دەرۋازىسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى دۆڭلۈككە ئورۇنلاشقان قەدىمكى قەبرىستانلىققا ئېلىپ چىقتى.
شەيخۇلئىسلام تۇپراق بېشىغا چىققان خالايىققا كۆز يۈگۈرتۈپ:
— جامائەت، رەيھاندىنبەگ بىز بىلەن خوشلاشمايلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، روھى ئاللا دەرگاھىغا قايتتى. ئۇنىڭ ئازابلانماسلىقى، جازاغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن قەرزى بولسا، بالىلىرى مۇشۇ سائەتتە مەرھۇمنىڭ تەئەللۇقاتىدىن قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ. كىمنىڭ رەيھاندىنبەگدە ئېلىشى بار، قانچىلىك؟ دەپنە قىلىنماستىن بۇرۇن كۆپچىلىك ئالدىدا ئاشكارىلىسا، مەرھۇمنىڭ ۋارىسلىرى قەرز قايتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
— مەرھۇمدىن ئېلىشىمىز يوق، بىز ئۇنىڭغا قەرزدار، — توۋلىدى كۆپچىلىك.
— ئۇنداق بولسا مەرھۇمنى ئارامگاھىغا ياتقۇزۇپ قويايلى، — شەيخۇلئىسلام جىنازىنىڭ قاپقىقىنى ئاچتى. مەرھۇمنىڭ ئاق كېپەنلىك گەۋدىسىنى ئادامتۇغرۇل، تۆمۈربۇقا نەسرىدىنبەگ قاتارلىق مۇيسىپىتلار تاش گۆردە تۇرغان ئاشانبۇقا، بويانقار ئاتا - بالىغا سۇنۇپ بەردى. ئۇلار ئۈچ گۆردە ياشلىق كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغان يۈسۈپكە سۇندى. ئۇ پۈتۈن
مېھرى - مۇھەببىتى بىلەن ئاتىسىنىڭ بەل ۋە تېقىملىرىدىن قاماللاپ تۇتۇپ، شاھادەت ئېيتىقان ھالدا ياتقۇزدى. كېپەننىڭ بوغقۇچلىرىنى يېشىپ، مەرھۇمنىڭ قاشتىشىدەك سوزۇلۇپ كەتكەن يۈزىنى قىبلىگە قارىتىپ قويدى. ئۇ گويا تۇغۇلۇپلا ئاق يۆگەككە ئېلىنغان بوۋاقتەك شۇنداق مۇلايىم ياتاتتى.
— خەير - خوش، ئەلۋىدا، ئاتا! خىزمەتلىرىدە بولالمىدىم، ھېرىپ - چارچىغان ۋاقىتلىرىدا ئۈچىلىرىنى تۇتۇپ قويالمىدىم. بىر ئېغىز قاتتىق گەپ قىلماي، بىر كاچات ئۇرماي، ئوتۇمدا كۆيۈپ، سۈيۈمدە ئېقىپ ئۆتكەنلىرىنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ بىر يارامسىز ئوغۇل ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن، بۇنى يۈزۈمگە سالماي كېتىپ قالدىلا، بۇنى بىلدىم، ئاتا. ئەمدى بىخۇدلۇق قىلمايمەن، ئەل خىزمىتىنى قىلىمەن، يېتىم - يېسىرلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ بېشىنى سىلايمەن! پېقىر پەرھەنتلىرىنى ئەپۇ قىلسىلا، رازى بولسىلا، خەير، ئەلۋىدا، ئاللاھقا تاپشۇردۇم! … — دېدى يۈسۈپ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ. ئۇ گۆردىن چىققاندا تۇننىڭ پېشىن گۇرۇھى جامائەت بەرگەن ئىخلاس تۇپراقنى ئالغان ئۆلۈمىش ئالدىغا كەلدى. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن بۇ تۇپراقنى ئاتىسىنىڭ جەسەت ئۈستىگە تۆكتى.
قورئان ئوقۇلۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرگەن شەيخۇلىسلام:
— ئى ياراتقۇچى ئاللا، مەرھۇمنىڭ جايىنى جەننەتتە قىلغىن! بۇ دۇنيادا قالغان بىز بەندىلىرىڭنى ئاسىي مۇرتەتلەردىن قىلىپ قويمىغىن، ئۇ دۇنياغا پاك ھالدا ئىمانىمىز بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلغىن، ئامىن! — دەپ دۇئا قىلدى.
— ئاتام قانداق كىشى ئىدى، تەقسىر؟ — دەپ سورىدى يۈسۈپ قول باغلاپ تۇرۇپ.
— ئىمانى كامىل، ئىradىسى مۇستەھكەم، ئەلگە غەمخان، مۇسۇلمانى كەمىتەر ئىدى، — دەپ جاۋاب بەردى شەيخۇلىسلام.
دۇنيادا يەر ئاستىغا كىرمەيدىغان شاھمۇ يوق، پۇقرامۇ يوق؛ ئالىممۇ يوق، نادانمۇ يوق؛ زالىممۇ يوق، غەمخارمۇ يوق. ھەممە
ئادەم قاراڭغۇ گۆرگە كۆمۈلىدۇ. ياشىغان ئىكەنسەن، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈپ ياشا. ياخشى نامىڭ ئەل ئارىسىدا قالسۇن.
يۈسۈپ قائىدە - يوسۇن بويىچە ئاللانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ نامراتلارغا، قوللارغا، يېتىم - يېسىرلارغا كاتتا نەزىر بەردى. رەيھاندىن ھايات ۋاقتىدا قوللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلىۋەتكىنى ئۈچۈن، يۈسۈپ قىرىق قول سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتى، پۇل - مال بېرىپ ئۆي - ئوچاقلىق قىلىپ قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مۇسىبەت بولغاندا قول ئازاد قىلىش، زەردار بايلار ئۈچۈن ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالدى.
رابىيە بۇ ئېغىر جۇدالىقنى كۆتۈرەلمەي ئاغرىپ، خېلى كۈنلەرگىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى. قىزلىرى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، يۈسۈپمۇ يېنىدىن نېرى بولمىدى.
مۇسىبەتنىڭ توققۇزىنچى كۈنى، ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم باشلىق «بۇغراخان مەدرىسى» نىڭ بىر قانچە مۇدەررىس، تالىپلىرى، باش ۋەزىر ئىنانچۇبەگ باشلىق بىر قانچە دۆلەت ئەركانلىرى كەينى - كەينىدىن ھويلىغا كىرىپ كېلىشتى. يۈسۈپ، ئاشانبۇقا، ئادامتۇغرۇللار ئۇلارنى ساراي ئۆيگە باشلىدى. خەتمىقۇرئاندىن كېيىن، ئەبۇ يۈسۈف مەخدۇم بىرىنچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى.
- ئۇلۇغ ھاجىپ رەيھاندىنبەگ ئەل بېگى بولمىسىمۇ ئەل ئاتىسى ئىدى، ئۆمۈردە ئەلگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكەنىدى. ئاللا بۇنداق سېخى، ئالىم بەندىسىنى دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىش بىلەن بەندىلىرىنى سىنايدۇ، يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ مەندىن ئېيتقاندا، ئۆلۈم - ھەم مەڭگۈلۈك ئايرىلىش، ھەم مەڭگۈلۈك ئېرىشىشتۇر. بالام بەگ يۈسۈپ، ئازادار بولۇپ قايغۇرۇۋېرىش ئاقىل بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەمدى مەدرىسىگە بېرىپ، دىندارلارغا، مۇلاھىزە - پىكىرلەرگە تەشنا ئۇستاز -
شاگىرتلار بىلەن بىللە بولۇشلىرى ھاياتلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر. سىلىنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلدۇق … ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ ئىنانچۇبەگ بوم ئاۋازى بىلەن: — بەگىيۈسۈپ، رەيھانىدىنبەگنىڭ ۋاپاتى سىزگە ھەم قايغۇ، ھەم خوشاللىق ئېلىپ كەلدى. قايغۇ ئۆتۈپ كەتتى، خوشاللىق ئالدىڭىزدا تۇرۇپتۇ. بىزمۇ سىزنى ئورداغا ئېلىپ كەتكىلى كەلدۇق، — دېدى. يۈسۈپ ئۇستازىنىڭ سۆزىدىن تەسەللى تېپىپ مەدرىسەگە بېرىش قارارىغا كەلگەچكە، ۋەزىرگە ئېھتىرام بىلەن جاۋاب بەردى: — يۇغرۇش بېشى جاناپلىرى، ئەل سۆيەر ئاتامدىن ئايرىلىش مېنى ئۆمۈرۋايەت ئارماندا قويدى، ماڭا زادىلا خوشاللىق بېخىش ئەتكىنى يوق، بۇ ھالدا ئورداغا بارالمايمەن، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت. ئىنانچۇبەگ مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ دېدى: — سىزنى ئورداغا تەكلىپ قىلىش سۇباشى، يۇغرۇش ياكى ھاجىپلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس، بەلكى بۇغرا قاراخاننىڭ تىلىپى، بەگىيۈسۈپ. بۇ خوشاللىق ئەمەسمۇ؟ — خوشاللىق ئەلگە، ئاۋامغا نېسىپ بولسۇن، يۇغرۇش بېشى. ئەگەر ئورداغا بېرىشىمنى بۇغرا قاراخان تەلەپ قىلغان بولسا، پېشىن نامىزىنى «بۇغراخان مەدرىسەسى» نىڭ مەسچىتىدە ئوقۇۋېلىپ، ئاندىن جەزمەن بارىمەن. بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماسلىق ئويۇم يوق، — يۈسۈپ بۇرۇت يېپىۋالغان كالپۇكلىرى ئېچىلىپ، كۈلۈپ كەتكەن باش ۋەزىرگە چاي سۇندى. — يۇغرۇش بېشى، بەگىيۈسۈپ سۆزلىرىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ، — دېدى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم. — ئاۋۋال ئورداغا بېرىشىڭىز زۆرۈر ئىدى. خەيرىيەت، جاۋابىڭىزنى بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىغا يەتكۈزىمەن، — دەپ ئورنىدىن تۇرغان ئىنانچۇبەگ ھەمراھلىرى بىلەن كەتتى.
چىقىپ كەتتى. ئۇلارنى ئادامتۇغرۇل بىلەن ئاشانبۇقا ئۇزىتىپ قويدى.
يۈسۈپ ئۇستازى بىلەن مەدرىسەگە كەلدى، مۇدەررىس ۋە تالىپلار ناھايىتى سۆيۈنۈش ئىچىدە كۈتۈۋالدى، ئۇنىڭ پىغانلىق كۆڭلى بىرئاز ئېچىلدى. ئۈچ - تۆت سائەت ۋاقىت ئۈچ - تۆت مىنۇتتەكلا تېز ئۆتۈپ كەتتى. پېشىن نامىزىدىن كېيىن:
— ئوردىغا بارسىلا، بالام، بۇغرا قاراخان كۈتۈپ قالمىسۇن، — دېدى ئەبۇ يۈسۈپ مەخدۇم ئالدىرىتىپ، — سىلى ئەقىللىق، سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن قانداق سۆزلىشىشنى بىلىدىلا. ھەرھالدا تېمىكىن بولغانلىرى تۈزۈك، تەكلىپىنى رەت قىلمىسىلا، بالام.
— تەقرىم ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا شۇنىڭغا ئېرىشىمەن، ئاتا، خاتىرجەم بولغايلا، — يۈسۈپ ئۇستازى بولغان قېيىنئاتىسىنى بىرىنچى قېتىم «ئاتا» دەپ ئاتىدى. يۈرەك قېتىدىن چىققان بۇ سادا ئەبۇ يۈسۈپ مەخدۇمنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرىزىگە كەلتۈردى. ئۇ ھەقىقەتەن ھايات تۇرغۇزۇۋاتقان ئاتىسى ئىدى.
يۈسۈپ ئوردىغا كېتىپ، بۇغرا قاراخان ئالدىدا نېمىلەرنى دېيىش، نېمىلەرنى دېمەسلىكنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇنى سۇلايمان ئارسلانخان دەرھال قوبۇل قىلدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىيلىرى، يېقىن ۋاقىتتا كېلەلمىگىنىم ئۈچۈن جازاغا لايىقمەن، — دېدى ئۇ يەكتەك بولۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان ھالدا.
«بۇغرا قاراخان، دەرھال كەلمىگىنى ئۈچۈن يۈسۈپكە كايىيدۇ، ئۇنى ھاجىپلىققىمۇ تەيىنلىمەيدۇ» دەپ ئويلىغان باش ۋەزىر ئىنانچۇبەگ ئۇنىڭ جەسارەت - جۈرئىتىگە قايىل بولغان ھالدا لبىنى چىشلىدى.
سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپكە قىزىقىش بىلەن نەزەر سالدى: نەقىران يىگىتلىك مەزگىلىگە قەدەم قويغان، قارا مەخمەل تون
كىيىپ، دوپپىسىغا ئاق سەللە ئورىغان يۈسۈپ شۇنچە تېكىن ئىدى، تومۇرىدىن ياشلىقنىڭ كۈچى - غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
-
ئولتۇرۇڭ، بەگىيۈسۈپ، - دېدى بۇغرا قاراخان باش ۋەزىرنى داغدا قويۇپ. ئىنانچۇبەگ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ تۇرسىمۇ، يۈرىكى ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى. بايا يۈسۈپنىڭ كۈتكەندىنمۇ ئارتۇق شۇجائەتلىك ئىكەنلىكىگە ھەسەت قىلىپ لېۋىنى چىشلىگەن بولسا، ھازىر بۇغرا قاراخاننىڭ غەزەپ قىلماي شەپقەت قىلىۋاتقىنىغا چىدىيالماي لېۋىنى چىشلىدى. ئۇ ھېجىيىپ ئولتۇرغىنىچە زادى زۇۋان سۈرمىدى. سۇلايمان ئارسلانخان سۆزىنى داۋام قىلدى:
-
كېچىكىپ كەلگەن بولسىڭىزمۇ، ئۈمىدىمنى يەردە قويمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن خۇرسەن بولدۇم. مەن يۇغرۇش باشلىق بەرگەن جاۋابىڭىزدىن، شۇ تاپتىكى قىياپىتىڭىزدىن ئەل سۆيەر ئاتىڭىزنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن. مۇبادا يۇغرۇش باشنى باشقا بىر كىشىنى چاقىرغىلى ئەۋەتكەن بولسام، ئۇ ئادەم شۇ ھامان ئالدىمدا ھازىر بولۇپ تىزلىناتتى. ۋاھالەنكى، سىز ئېرىمدىن ئۇستازىڭىزنىڭ تەكلىپىنى ئەلا كۆردىڭىز. شۇنداقمۇ، بەگىيۈسۈپ؟
-
دانا ئىكەنلا، ئالىيلىرى. يېقىنقى يىللىم بەرگەن ئۇستازىمنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتۈم، خالاس. ناۋادا، مەدرىسەگە بارمىغان بولسام، ئاللا كەرەمنىڭ «ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرز» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان بولاتتىم. ئەلۋەتتە، ۋاجىپنى ئادا قىلىشتىن پەرزنى ئادا قىلىش مۇھىم، پەرز ئادا بولسىلا، ۋاجىپنى ئادا قىلىشقا يول ئېچىلىدۇ، شۇڭا ئەزىز خانلىرىغا كېچىكىپرەك كەلدىم.
-
توغرا دېدىڭىز، بەگىيۈسۈپ، مەن خاتالاشماپتىمەن. چاقىرتىشىمنىڭ سەۋەبى سىزنى ھاجىپلىققا تەيىنلەش ئىدى.
-
مەن تېخى ئىمتىھان بەرمىگەن تۇرسام، - دېدى يۈسۈپ ئويغا چۆمگەن ھالدا.
-
سىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بولغان، بەگىيۈسۈپ.
— قاچان، ئالىيلىرى؟ — مەرھۇم ئاتىڭىز رەيھاندىنبەگ بۆرە تېگىنگە ئېلىپ كەتكەن مەكتۇپنى يېزىپ بەرگەنلىكىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ — ئېسىمدە كەلدى، ئالىيلىرى. ئاتاممۇ كۆز ئالدىمغا كەلدى، — يۈسۈپنىڭ ئوچۇق چىرايى قايغۇلۇق تۇس ئالدى. — ئاشۇ مەكتۇپ ئىمتىھان سوئالى ئىدى. سىز ئەلا جاۋاب بېرىپ، شۇ چاغدىلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنىدىڭىز. ئۇستازىڭىزنىڭ سىنىقىدىنمۇ ئۆتۈپسىز. مەن سىزنى ھاجىپلىققا تەيىنلىدىم، — سۇلايمان ئارسلانخان ئورنىدىن تۇرغان يۈسۈپنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئىنانچۇبەگكە بۇيرۇدى. — يۇغروش بېشى، ھاجىپ يۈسۈپكە تون، ئوتۇغات كەلتۈرۈڭ! — باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى. بۇ بەك ئوبدان بولدى، ئوبدان بولدى، — ئىنانچۇبەگ چىقىپ كەتتى. — پېقىر مەدرىسىدىن ئايرىلالمايمەن، ئالىيلىرى، — يەنە ئورنىدىن تۇردى يۈسۈپ. سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپكە قاراپ كېتىپ جاۋاب بەرمىدى. — كەچۈرگەيلا ئالىيلىرى، ئەمىرلىرىنى رەت قىلماقچى ئەمەسمەن، ئەمما … — چۈشەندىم، بەگ يۈسۈپ، مەدرىسىگە بېرىپ دەرس ئۆتۈشىڭىزنى ھەرگىز توسۇمايمەن. ھەم ئوردىدا ھاجىپ، ھەم مەدرىسىدە مۇدەررىس بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمان، — دېدى سۇلايمان ئارسلانخان ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ. — قەلبىمنى چۈشەنگەنلىرىگە رەھمەت، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، پېقىرغا شەرەپ ئاتا قىلدىلا، — يۈسۈپ چوڭقۇر تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپكە ئىنانچۇبەگ ئېلىپ كىرگەن زەر ياقىلىق توننى كىيدۈرۈپ، كۈمۈش ئوتۇغاتنى سەللىسىگە قاداپ قويدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يۈسۈپ ئوردىدا ئەڭ ياش ھاجىپ بولۇپ قالدى.
يىگىرمە تۆتىنچى باب
يىگىرمە تۆرتىنچى باب: ھەي، ئادەملەرنىڭ نىيىتى
1
بالاساغۇن دىيارىدا كۆكلىم باشلانغاندىن بۇيان، ھاۋا بۈگۈنكىدەك سوزۇلۇپ ئېچىلمىغانىدى. كۆك دېڭىزدا يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنگەن يەلكەنلەردەك ئۈزۈپ يۈرگەن ئاپپاق بۇلۇتلار ھاۋا بوشلۇقىنىڭ ئۇيەر - بۇيېرىدە كۆزگە تاشلىناتتى. ئىسسىق ياقلاردىن ئۇچۇپ كەلگەن بىر توپ تۇرنا ئوردا ئۈستىدىن ئۆتكەندە، ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسى باغچىدىكى كۆلگە چۈشۈپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولدى، ھال رەڭ ئۆپۈك باغرىدىن بىر غۇلاچ كۆتۈرۈلگەن كۈن، ئالتۇن تاۋاقتەك جولالاپ، بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ پارقىراپ تۇرغان تاملىرىدا ئالا - تالا شۇلا پەيدا قىلدى.
شۇ تاپتا، ئوردىنىڭ ھەشەمەتلىك سارىيىدا تايانچۇلار كېڭىشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. قىزىل گۆھەر كۆز قويۇلغان ئالتۇن تاج كىيگەن سۇلايمان ئارسلانخان كۈمۈش پايىلىق تەخت ئۈستىدە كۆپچىلىككە غەمكىن نەزەر تاشلاپ ئولتۇراتتى. زەر توقۇلغان شاھانە تون ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانغا خاس سالاپەت ۋە سور پەيدا قىلغانىدى. تەخت چۆرىسىگە توققۇز تۇغ قادالغان بولۇپ، گۈرزە تۇتقان جاندارلار قېتىپ تۇرۇشاتتى.
تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۇرسلاردا ئېلىكخان، ئارسلانخان، يابغۇ، كۆل تېكىن①لەر، باش ۋەزىر، شەيخۇلىسلام،
① يابغۇ، كۆل تېكىن — ئېلىكخاندىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئالىي ئۇنۋانلار.
ئۇلۇغ ھاجىپ قاتارلىق دۆلەتنىڭ مەرتىۋىلىك ئەربابلىرى ئولتۇرغانىدى. سول تەرىپىدە ۋەزىر، ھاجىپ، ئىشىكئاغىسى، ئاغىچى ئۇلۇغى، دىۋانبېگى، سۇبېشى - سانغۇنلار، مۇنەججىم، ھېكىملەر جاي ئېلىشقانىدى.
يۈسۈپ ھاجىپلار، پوتۇكچىلەر، ئاغىچىلار، سەردار - بەگلەر بىلەن تەختنىڭ ئۇدۇلىدىن ئورۇن تۇتقانىدى. ئونىڭ بۇنداق ئالىي كېڭەشكە قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم بولغاچقا ھاياجانلىنىپ قالغانىدى.
سۇلايمان ئارسلانخان كۆپچىلىككە كۆز يۈگۈرتۈپ ئورنىدىن تۇردى:
-
ماختىنىش - ماختاش ئاللاھقا خاستۇر، ھەرگىزمۇ پادىشاھ، سۇلتانلارغا ئەمەس! پادىشاھ، سۇلتانلار ئوخشاشلا بەندە. ئۇلار ئۆزىنى چوك تۇتۇپ، ئەل بىلەن كارى بولماي نەپسىنىيەتچىلىككە بېرىلسە، قانخورلۇق قىلسا، ئاۋامغا زۇلۇم سالسا، ئۆزىگە شۇنداق مەرتىۋە ئاتا قىلغان ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولمامدۇ؟ جانابلار، بۇنى ئويلاپ كۆرۈڭلار، - سۇلايمان ئارسلانخان ئولتۇردى. بۇغرا قاراخان سارىيىنى جىمجىتلىق باستى.
-
بەرھەق، بەرھەق، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، ئەبۇ شۇجائى ئالىيلىرى، - دېدى قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ تىزلانغان ئىنانچۇبەگ، - زامانلىرىدا ئاللاھنىڭ ئېنايىتى بىلەن ئاۋام راھەت - پاراغەتتە ياشىماقتا، ئۇلۇغ قاراخانىيلار ئېلى كۈندىن - كۈنگە روناق تاپماقتا. مانا شۇنداق قۇتلۇق دەمدە تۇزكورلۇق قىلىپ ئالىيلىرىغا كۆز ئالايتقاننىڭ كۆزى قويۇلسۇن! تىل تەگكۈزگەنلەرنىڭ تىلى كېسىلسۇن! يېقىرنىڭ ھېلىغۇ بىر جېنى بار، مىڭ جېنى بولغان بولسا بارىنى ئالىيلىرىنى قوغداش، ئەل بەختىنى قوغداش يولىدا قۇربان
① ئەبۇ شۇجائى - شۇجائەتلىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان.
قىلاتتىم. ئىلھامبەخش سۆزلىرى ئاجىز ۋۇجۇدۇمغا كۈچ ئاتا قىلدى. بۇيرۇسىلا خاقانىم، ھەرقانداق خىزمەت بولسا جان تىكىپ ئادا قىلىمەن!
— يۇغرۇش بېشى توغرا ئېيتتى، ئالىيلىرى، ئۆمرۈمنى جان تىكىپ ئادا قىلىمىز، — دېيىشتى كۆپچىلىك قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ.
— ئالىيلىرىنىڭ ئېيتقىنى ھەقىقەت، بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ ئېلىش پۈتۈنلۈكنى قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم. دىلى بىلەن تىلى ئوخشىماس مۇناپىقلاردىن ھەزەر ئەيلەيمەن، — يەكتەك بولۇپ تەخت ئالدىدا يۈكۈنگەن يۈسۈپنىڭ بۇ لەۋزى ئىشەنچۈنباينىڭ يۈرىكىگە ئاتقان خەنجەردەك تەگدى. ئۇ لاپىلدە قىزىرىپ، يەنە شۇ ھامان ئەسلىگە كەلدى. يۈسۈپكە قاراپ باش لىڭشىتىپ قويدى.
ئوردا ئەمەلدارلىرى، ھاجىپلار ئىچىدە ئەڭ ياش بولغان يۈسۈپنىڭ سۆزى دۆلەت ئەربابلىرىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغان مۇھەممەد ئارسلانخان: «بۇ يىگىتنىڭ شۇنچە ياش تۇرۇپ ھاجىپ بولۇشى ئەقىل — پاراسىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن ئىكەن — دە، گەپنىڭ تېگىدە گەپ باردەك قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ، يېنىدا پۇشۇلداپ مۆگدەپ ئولتۇرغان دوقاقبەگكە قاراپ قويدى. ئۇ بۇ كېڭەشكە قاتنىشىش، ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش نىيىتىدە ۋەزىر بىلەن ئولۇشكۈن كەچ بالاساغۇنغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئوغلى ھۈسەيىن تېگىنمۇ تۈنۈگۈن چۈش مەھەلدە يېتىپ كېلىپ، تاغىسى سۇلايمان ئارسلانخانغا ئاتىسى بىلەن بىللە كۆرۈنۈش قىلغانىدى. ئۇ يۈسۈپكە قىزغىنش نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى: «ئوغلۇم مۇھەممەدنىڭ ئۇ ئوردۇكەنتكە كەلگەندە يېقىنلىشىپ كېتىشى سەۋەبسىز ئەمەس ئىكەن — دە، قالتىس جۈرئەتلىك يىگىت ئىكەن، سۆزىنى كىمگە قاراتتىكىنە؟…»
— ئولتۇرۇڭلار جاناپلار، — دېدى سۇلايمان ئارسلانخان ۋە
ئەڭ ئاخىرىدا ئولتۇرغان يۈسۈپكە مەنىلىك نەزەر تاشلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — جانابلار، ئاتامنىڭ ۋاپات بولغىنىغا بەش يىلدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئارزۇسىغا يارىشا ئېلىمىز تىنچلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى. ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىناق ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ناھايىتى رازىمەن. خانىدانلىقىمىزغا، ئاتامغا مەنپەئەتلىك بولغان بۇنداق ياخشى ھالەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىشى، تېخىمۇ كامال تېپىشىمىز ئۈچۈن يىراق — يېقىندىكى قوشنا، دوست مەملىكەتلەر بىلەن قارىشىلاشماي، بېرىش — كېلىشنى كۈچەيتىشىمىز مۇھىم، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق قەبىلىلەر ئارا ئىناقلىقىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز زۆرۈر. ئېلىمىزنى بۆلۈشكە، پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق كىشىگە يول قويماسلىقىمىز، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. ناۋادا، سۇلتان سۇتۇق جەمەتتىن يېقىردىنمۇ قابىل، ئەل سۆيەر پەزىلەتلىك يولباشچى چىقىدىكەن، تاجو-تەختنى بېرىشكە ھەرۋاقىت تەييارمەن. ئەمما، ئاچ كۆز قانخورلارغا، زالىملارغا، ئادالەت، ھۆرلۈكنى دەپسەندە قىلغۇچى ھاكاۋۇرلارغا ھەرگىزمۇ ئورۇن بوشىتىپ بەرمەيمەن! بۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قويۇشۇم ئەركىن پىكىر قىلىشىڭلار ۋە سەمىمىي بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. قېنى، يۇغرۇش بېشى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن جانابلارنى خەۋەردار قىلىڭ.
ئىنانچۇبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋۋال سۇلايمان ئارسلانخانغا، ئاندىن ئېلىكخان، يابغۇلارغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى، باشقا ئوردا ئەمەلدارلىرىغىمۇ سەل ئېگىلىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. قوللىرىنى جۈلەپ تۇرغان يىپەك تونى ئۈستىدىن قوۋۇشتۇرۇپ سۆزىنى ئونلۇق باشلىدى:
— ئاللا ھەممە يەردە ھازىر ۋە نازىردۇر، ياخشى — ياماننى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلۇغ بۇغرا قاراخانىمىز سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى ئاللا نېسىپ ئەتكەن مۇبارەك تەختتە ئولتۇرغاندىن بېرى، مەملىكىتىمىزنىڭ تېخىمۇ روناق
تاپقانلىقىدىن كۆزى قىزارغان ئەلەۋىيلەر يەنە باش كۆتۈردى، — ئىنانچۇبەگنىڭ تەكشى قىرقىلغان بۇرۇت - ساقاللىرى يىپىپ تۇرغان كالپۇكلىرى جۈپلىشىپتى. ئۇ سۆزىدىن توختاپ سۇلايمان ئارسلانخانغا يەنە بىر تەزىم قىلدى. ئىنانچۇبەگ ناتىق، مەيدانلىقى بىلەن ئوردا ئەھلى ۋە جامائەتچىلىك ئىچىدە نام قازانغان ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق لەۋزىنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن مۇزنى ئېرىتەلەيدۇ، سۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن تاشنى يۇمشىتالايدۇ، دېگەن نەقىلمۇ چىققانىدى. باش ۋەزىرلىككىمۇ شۇ تۈپەيلى تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ ناتىقلا بولۇپ قالماستىن، كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا تولىمۇ ماھىر ئىدى، ھەرقانداق ئادەمدە ياخشى تەسىرات قالدۇرالايتتى. ئۆزىمۇ كېلىشكەن، خوش پىچىم بولۇپ، ھەمىشە قۇياشقا باققان ئاپتاپپەرەستەك يۇمىلاق يۈزىدىن كۈلكە كەتمەيتتى. مۇشۇ تاپتا كۆپچىلىكنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغىنىدىن روھلىنىپ، سۆزىنى ئۆزىمۇ داۋام قىلدى، — تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللا شاھىنشاھلىققا تاللىغان بۇغرا قاراخان جەمەتىدە، ئوغۇل پەرەزەنت داۋاملىق تەخت ۋارىسى بولۇپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئەمما، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىنىڭ قىزىدىن بولغان نەۋرىسى سەيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ئەھمەد تۇغۇلغان تەختنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، دەسلەپ سۈكۈت قىلىپ قارىشىلاشماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتقان ھەقىقىي تەخت ۋارىسى بولمىش مەرھۇم يۈسۈپ قادىرخان غازى پادشاھ كېيىن ئۆنى ئېتىراپ قىلىپ، ئەلدە ناھەق قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغانىدى. ئەكسىچە ۋاپاتىدىن كېيىن تەختنى ئىگىلىگەن مەنسۇر ئېلىكخان يۈسۈپ قادىرخاننى يوقىتىش كويىدا بولۇپ، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى. تەختنى مەھكەم شەرق ئىگىلىدى ۋە ئىنىلىرى تۇغۇلغان سانى بىلەن ئەلى تېكىن سانىنىڭ قوزغىلىڭى، ئودۇن قاتارلىق دىيارلاردا يۈز بەرگەن توپىلاڭنى تىنچىتىپ، مەملىكىتىمىزنى روناق تاپتۇردى. مەرھۇم
ناسر ئېلىكخاننىڭ يېتىم ئوغۇللىرىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ تەربىيەلەپ كامال تاپتۇردى، ئۇلارنى ماۋەرائۇنناھر دىيارىغا ئېلىكخان قىلدى، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەپقەت بولماس! لېكىن مۇھەممەد ئالىپ تېگىن، ئىبراھىم بۆرە تېگىن ۋە باشقا شەپقەت كۆرگەنلەر رەھمەت ئوقۇشنىڭ ئورنىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى. بۆرە تېگىن خارەزم پادىشاھى مەئمۇن ئالىيلىرىنىڭ قىزى مەلېكە ساراغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، مەئمۇن شاھنىڭ سۇبېشى ئالتۇنتاشنىڭ ئونىڭغا كۈيۆئوغۇل بولۇش، تەختكە ۋارىسلىق قىلىش نىيىتى بەرھەم بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نىقابلانغان نۆكەرلىرى بىلەن كېچىسى ئوردىغا باستۇرۇپ كىرىپ مەئمۇن شاھنى ئۆلتۈردى، ئۆزىنى خارەزمنىڭ شاھى دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بۆرە تېگىن بۇغرا قاراخانىمىزغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىغاندا، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل سانغۇننى سۇبېشى قىلىپ ئۈچ تۈمەن سىپاھ ئەۋەتكەنىدى، بۆرە تېگىن ئاكىسى ئالىپ تېگىن، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇلنىڭ سىپاھلىرى بىلەن جەمئىي بەش تۈمەن لەشكەرنى باشلاپ، ئالتۇنتاش ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى، ئۇنى ئەسىر قىلىپ سەمەرقەنتتە دارغا ئاستى. بۆرە تېگىن بۇغرا قاراخانىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، سەمەرقەنت قاتىللىرىنىڭ سەرخىلىدىن يۈزنى سوۋغا قىلىپ، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇلنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى غايەت خۇرسەن بولغانىدى. بەختكە قارشى غەزنەۋىيلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، مۇھەممەد ئالىپ تېگىن يارىلىنىپ ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ماۋەرائۇنناھر دىيارىغا ئىبراھىم بۆرە تېگىننى ئېلىكخان قىلىپ يارلىق چۈشۈرگەن بۇغرا قاراخانىمىز ئونىڭدىن زور ئۈمىد كۈتكەنىدى. ئەمما، بۆرە تېگىن ئۆزكەنت، بۇخارا شەھەرلىرىنىمۇ ئۆز ئېلكىگە ئېلىۋالدى. يېقىن قوشنىمىز بولغان غەزنەۋىيلەر بىلەن ھە دەپ تىرىكىشىپ، زېمىننى كېڭەيتىش كويىغا چۈشتى. ئۆتكەن يىلدىن بېرى قوزغۇلاڭچىلارغا ئەۋەتىدىغان سېلىق،
تارتۇقلارنىمۇ ئەۋەتمىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ … — توختاڭ، يۇغرۇش بېشى، — ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى سۇلايمان ئارسلانخان، — ئۇزاقتىن بېرى مەرھۇم ھاجىبۇل ھۇججاپ رەيھاندىنبەگ مېنىڭ نامىمدىن يېزىلغان مەكتۇپنى ئېلىپ سەھەرقەنتكە بارغانلىقى كۆپچىلىككە ئايان. ئۇنىمۇ بۆرە تەگكەن قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ، كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىنى ئېيتىپ يازغان جاۋاب مەكتۇپىدا قاراخانىيلار ئېلىنىڭ شان شەرىپىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاكاممۇ ئاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى پۈتۈن ماۋەرائۇننەھرنىڭ ئېلىكخانلىقىغا تەيىنلىگەندىم، ئەلھال، كۆپ ۋاقىت ئۆتمىدى. كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، غەزنەۋىيلەر بىلەنمۇ، سەلجۇقىيلار بىلەنمۇ ياخشى ئۆتۈۋاتىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇم، — سۇلايمان ئارسلانخان «ھە، قېنى ئەمدى سۆزلەڭ» دېگەن مەنىدە ئىنانچۇبەگكە باش لىڭشىتىپ قويدى. — بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى ھەق راست، يىقىرمۇ شۇنداق دېمەكچىدىم. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تايانغۇلار كېڭىشىگە كەلمىگىنگە قاراپ بويۇنتاۋلىق قىلماقچى بولۇۋاتامدىغاندۇ؟ دەپ گۇمانلىنىپ قالدىم، جاناپلار، — دېدى ئىنانچۇبەگ ئېگىلىپ. سۇلايمان ئارسلانخان ئويلىنىپ قالدى: «ئۇنىڭ دېگىنىمۇ توغرا، كەلمىگىنى بويۇنتاۋلىق قىلغىنىغۇ …» ئېلىكخان، ئارسلانخان، يابغۇ، كۆل تەگىنلەر، ۋەزىر، ئەمىر، ھاجىپلار پىكىر بايان قىلىپ، قاراخانىيلار ئېلىنىڭ يىلدىن يىلغا قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتۈشتى. بەزى شاھزادە، ۋەزىر، سانغۇنلارنىڭ باشقا قەبىلىلەرنى كۆزگە ئىلماي، پەس كۆرۈپ چەتكە قاققانلىقى، ئەھۋال شۇنداق كېتىۋەرسە، ئىتتىپاقلىق بۇزۇلۇپ، ئۇرۇش،
توپلاشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشتى. بۇ گەپلەرنى ئىنانچۇبەگ قۇۋۋەتلەپ، بۆرە تېگىننى ئېلىكخانلىقتىن قالدۇرۇۋېتىشنى كۈچەپ تەكىتلىدى. بولۇۋاتقان سۆزلەرگە دىققەت قىلىپ ئولتۇرغان يۈسۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ، مەسلىھەتلەر ئوخشاشمىغان بىلەن، مۇددىئا - غەرەزنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ ئەپسۇسلىنىپ قالدى. ئەسلىدە ئۇ تەكىلەپ، مەسلىھەت بېرىشكە يېشىنىڭ كىچىكلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، سۆزلىمەي، دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما ئەھۋالنى كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، جاناپلار، يېقىن رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا سۆز يورغىلىتىپ، مەيدانلىق قىلماقچى ئەمەسمەن، بايا ساداقىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن كۆپەيلەنسەم بولاتتى. ئەمما، دېمەكچى بولغان ھەقىقەتنى چۈشەنگىنىم بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇشنى زۆرۈر، دەپ قارايمەن. ۋاھالەنكى، بەزى ئارسلانخان، ئېلىكخان، يۇغرۇش، ھاجىپ، سانغۇنلار ئارىسىدا، ئۆزىنىلا كۆمۈچكە چوغ تارتىپ، مەملىكەتنى، ئاۋامنى كۆزدە تۇتمايدىغان، قازانغان غەلىبە - نەتىجىلەرنى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ دەپ بىلىدىغان خاھىش ساقلىنىۋېتىپتۇ. شۇنداقلا باشقا قەبىلىلەردىمۇ بىر - بىرىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ئۆچەكىشىپلا ئويلايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىكەن. ئىككىلا تەرەپنى چۈشىنىپ، سەۋەنلىك، خاتالىقلارنى تۈزىتىش، قارىشلاشقاننى جازالاش، قايىل قىلىش، يېتەكلەش بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش مەشەدە ئولتۇرغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ بۇرچى. ئېلىكخان ئىبراھىم بۆرە تېگىننىڭ بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقىنىغا كەلسەك، — يۈسۈپ كۆپچىلىككە سالماقلىق بىلەن نەزەر تاشلىدى، — ئۇنى ئالدىراپ ئېلىكخانلىقتىن قالدۇرۇش توغرا بولمايدۇ. ئۇ باتۇرلۇقى،
قەيسەرلىكى، شۇنداقلا سەمىمىي - ساددىلىقى بىلەن ئەل ئىچىدە چوڭ ئابرۇي قازانغان، ئون تۈمەندىن ئارتۇق قوشۇن ئۇنىڭغا پەرمانبەردار. شۇ تاپتا ئۇ سەلجۇقىيلار خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپتۇ. ئېلىكخانلىقتىن ئېلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ماۋەرائۇننەھر، خارەزم دىيارلىرىدىن ئۇنى ئايرىۋېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۆرە تەگىن بىلەن جەڭ قىلىش — ئەلنى قانغا غەرق قىلىش دېمەكتۇر! بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، — يۈسۈپ سۇلايمان ئارسلانخانغا قارىدى، — ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە سۆزلىشىپ، بارلىق ئامال بىلەن ئىتتىپاقلىشىش — قاراخانىيلار ئېلىگە تىنچلىق، ئاۋامغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنى ئويلىشىپ كۆرۈشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، — يۈسۈپ ئارقىسىچە بىر قانچە قەدەم مېڭىپ جايىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ئىنانچۇبەگ بۆرە تەگىننى ئېلىكخانلىقتىن قالدۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ئۇنى مۇھەممەد ئارسلانخان، دۇقاقبەگلەر قوللىدى. يۈسۈپنى مەھمۇد ئېلىكخان باشلىق ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن يابغۇلار، كۆل تەگىنلەر، ۋەزىر، سانغۇنلار، ئالىملار قوللىدى. بولۇپمۇ رەيھاندىنبەگنىڭ ئورنىغا ئۇلۇغ ھاجىپ بولغان چىگىل ئارسلانى، شەيخۇلئىسلام ئابدۇلھاپىز داموللا، ئوردا ئەمىرى بەگتۇتۇق، سۇبېشى بەگبۇقا، ئادامتوغرۇللار ئۇنى قوللاپ بۇغرا قاراخانغا مەسلىھەت بېرىشتى. ئاخىرىدا سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۈچ تۈرلۈك قارار ماقۇللاندى:
بىرىنچى، ھەر قايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش، ئارنى بۇزۇۋاتقانلارنى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاسىيلار قاتارىدا جازالاش؛
ئىككىنچى، زالىم، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، شەرىئەت ھۆكمى بويىچە جازاغا تارتىش؛
ئۈچىنچى، بۆرە تەگىن بىلەن يارىشىش، قارىشلاشماسلىق، قانلىق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ھەممىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بۇ قارارنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاندىن سۇلايمان ئارسلانخان يارلىق جاكارلاپ، ئىلگىرى قەشقەر دىيارىنىڭ بۇغرا خانلىققا تەيىنلەنگەن مەھمۇد ئارسلانخاننى پەرغانە دىيارىنىڭ ئېلىكخانلىقىغا، تالاس دىيارىنىڭ ئېلىكخانى مۇھەممەد ئارسلانخاننى تالاس ۋە ئىسپىجاب دىيارىنىڭ ئېلىكخانلىقىغا، قەشقەر دىيارىدىكى سىپاھلارنىڭ سۇبېشى ئەبۇ ھەسەن تېگىننى قەشقەر دىيارىنىڭ ئېلىكخانلىقىغا، ھۈسەيىن تېگىننى بارسغان دىيارىنىڭ ئېلىكخانلىقىغا تەيىنلىدى. ئەبۇ ھەسەن تېگىن بىلەن ھۈسەيىن تېگىنگە ئارسلانخان ئۇنۋانىنى بەردى. بۇ ۋاقىتتا قەدەر ئۈستىدىن كۆپ قېتىم بۇغرا قاراخانغا ئەرىز - شىكايەتنامە كەلگەن ئودۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانى ئەلىشاھ، سۇياب شەھىرىنىڭ ھاكىمى چاغرىبەگ ئۆتەمىش، قەشقەر بۇغراخاننىڭ ۋەزىرى تۇرمۇش ئىنال تېگىن، بۇغرا قاراخان سارىيىنىڭ ئىشىكاغىسى ئىنالچۇق تېگىن، ئىشچى بېشى ئارغۇن جالالىددىن قاتارلىق بىر يۈز قىرىق كىشىنىڭ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، شەيخۇلىسلام ۋە باش قازى ئابدۇلھاپىز داموللىنىڭ شەرىئەت نىزامى بويىچە جازا ھۆكۈم چىقىرىشىنى بۇيرۇدى. بۇغرا قاراخان سارىيى يەنە بىر قېتىم ئەندىشىلىك سۈكۈت باستى.
قەشقەرگە بۇغراخان بولۇپ تەيىنلەنمەي تالاسقا ئېلىكخان بولغىنىدىن نارازى بولغان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قاپىقى سېلىقلاپ، بەگ تەرەكسىگىمۇ قاتناشمىدى. ياساۋۇللىرى بىلەن ئوردىدىن چىقىپ، ئۆزى بىلەن كەلگەن خوتۇنى قۇماربىكە تۇرۇۋاتقان بولۇنبەگ قورۇسىغا ئات چاپتۇرۇپ كەتتى.
خىيانەتچى، زالىم ئەمەلدار قاتارىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن سۈيۈنگەن دوقاقبەگ «ئەمدى بوزاغۇ ئىككىمىزنىڭ كۆنىمىز توغرىلىدىغان بولدى» دەپ ئويلاپ ئېتىغا قامچا ئوردى.
كۆكنى يۇلتۇز قاپلىغان گۈزەل ئاخشامدا، يۈسۈپ بەگ تەرەكسىندىن خۇشال قايتتى. ئۇ ياش ھاجىپ بولسىمۇ، ياشانغان دۆلەت ئەربابلىرى ئېرىشەلمىگەن ھۆرمەتكە بۈگۈن سازاۋەر بولغانىدى.
شام - چىراغلار يورۇتۇپ تۇرغان ھويلىدا، ئۇنى ئاقبىرا بىر ياشتىن ئەمدىلا ئاشقان قىزى بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى.
2
— بەگىيۈسۈپ، ھاجىبۇل ھۇجج can ئېيتىشىغا قارىغاندا ئوبدان ئىشلەپتىپسىز، ھەممىدىن تەربىيەڭنى قىلىۋاتىدۇ. يۇغرۇش باشى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، سىزنى سەھەرقىنەتكە ئەۋەتمەكچى بولدۇق. مەرھۇم ئاتىڭىز رەيھاندىنبەگىمۇ مەكتۈپىمنى ئېلىپ بېرىپ، بۆرە تېگىن بىلەن ئەھۋاللىشىپ، ئۇنى يۇمشىتىپ كەلگەنىدى. ياش بولسىڭىزمۇ ئاتىڭىزنىڭ بالىسى، ئەقىل - پاراسەتتە ھېچكىمدىن قېلىشمايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۆرە تېگىن بىلەن ئوبدان تونۇش ئىكەنسىز، بېرىپ زادى ئۇنىڭ مۇددىئاسى، غەرىزى نېمە؟ بىلىپ كەلسىڭىز، ناۋادا ئۇ بويۇنتاۋلىق قىلماقچى بولسا، بۇ پېيىدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقساق. ئەمدى مېڭىشقا تەييارلىق قىلسىڭىز بولىدۇ.
— باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، — يۈسۈپ تەخت ئالدىدا قول قوشۇشتۇرۇپ تۇرغىنىچە بۇغرا قاراخانغا تەزىم قىلدى، — ئۈچ كۈن ئىچىدە يول تەييارلىقىنى تۈگىتىپ سەپەرگە ئاتلىنىمەن، ئالىيلىرى. بۈگۈن «بۇغراخان مەدرىسى» گە بېرىپ، بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۆتمەكچى بولغان دەرسلەرنى باشقا مۇدەررىسلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشۇم كېرەك. يەنە تاپشۇرۇقلىرى بارمىكىن؟
— بەگىيۈسۈپ، سىزدىن خۇرسەنمەن. سوۋغا - سالاملارنى يۇغرۇش باشى تەخ قىلىپ بېرىدۇ. مېنىڭ نامىمدىن بۆرە تېگىنگە بىر پارچە مەكتۈپ يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. يولغا
چىققان كۈنى ئۆزۈم ئۇزىتىپ قويىمەن. ماقۇل، يول تەييارلىقىغا كىرىشىڭ.
— رەھمەت، ئالىيلىرى.
يۈسۈپ ئۇدۇل «بۇغراخان مەدرىسى» گە كەلدى، ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇمغا سەمەرقەنتكە بارماقچى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزى ئۆتمەكچى بولغان بىر ئايلىق دەرسنى باشقا مۇدەررىسلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. خوشلىشىپ ئۆيىگە كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەنىدى. تاماقتىن كېيىن ئانىسىنىڭ خانىسىغا كىرىپ سەپەرگە چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئانىسى دەرھال جاۋاب بەرمەي، يۈسۈپنىڭ باش — كۆزىنى سىلاپ ئۇزاق ئولتۇرغاندىن كېيىن:
— ئاتاڭلار ۋاپات بولۇپ غېرىبسىنىپ قالدىم، بالام. تۈت ئاچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە، سىلى يېنىمدا بولغاچقا كۆڭلۈم توق تۇراتتى. بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرى بىلەن سەمەرقەنتكە بارىدىكەنلا، قوشۇلماي نېمە ئامالىم. بارسىلا، بالام، بارسىلا. خۇدايىم سەپەرلىرىنى بىخەتەر، ئاقىۋەتلىك قىلسۇن. ياخشى نىيەت، ياخشى تىلەكلەر بىلەن سالامەت بېرىپ، خوش خەۋەر ئېلىپ كەلگەيلا، — دېدى يۈزىگە سىرغىپ چۈشكەن ياشلىرىنى ئېرتىپ.
— غەم قىلمىسىلا ئانا. ئىنشائاللا، تېزرەك قايتىپ كېلىپ خىزمەتلىرىدە بولىمەن.
يۈسۈپ ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان بولسىمۇ، ئۇزاپ ماڭغۇچە ئاقىبرانى ماقۇل قىلالماي ناھايىتى جىلە بولدى. ئاقىبرا يامغۇردەك ياش تۆكۈپ:
— مېنىغۇ دېمىسىلا، مۇشۇ سەبىي قىزلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە قانداقمۇ قىيالا؟ — دەپ بۆشۈكتىكىنى كۆتۈرتۈپ قويۇپ، ماقۇللۇق بەرمەي جىم تۇرۇۋالدى.
— مەن سەيلە — ساياھەتكە كېتىۋاتمايمەن، قەدىرلىكىم، دۆلەت ئىشى بىلەن كېتىۋاتىمەن، بىر ئايغا قالماي يېنىپ
677
كېلىمەن ئەمسەمۇ. — يېنىپ كېلەلمىسلىكچۇ؟ — خۇدايىم بۇيرۇسا يېنىپ كېلىمەن. — ماڭا كەلمەيدىغاندەكلا تۇيۇلۇۋاتىدۇلا، ياق، ياق بارمايدىلا، — ئاقبىرا ئۇنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇۋالدى. ئانىسىنىڭ ئۆكسۈپ — ئۆكسۈپ ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بۇۋىئايىشەمۇ قىرقىراپ يىغلاپ كەتتى. يۈسۈپ قىزىنى سۆيۈپ ئاقبىراغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ دېدى: — سەمەرقەنتكە بېرىشىمغا زادى قوشۇلمامسىزەن؟ — قوشۇلمايمەن، بارمايدىلا. — كېتۆرسەمچۇ؟ — مەنمۇ ئابامنىڭ قېشىغا كېتىمەن. يۈسۈپنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ياخشى كۆرۈپ ئالغان خوتۇنى بىلەن بۇنداق يامانلىشىپ قېلىشنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەچكە، نېمە دېيىشنى بىلمەي پەرىشان بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنى ھويلىدا ئانىسى، ئاچىلىرى، خىزمەتچىلەر كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ شايى تونىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ تۇرغان ئاقبىرانىڭ قولىنى ئاستا ئىتتىرىپ: — مەن بارمىسام بولمايدۇ. ماقۇل، ئاتا — ئاناڭنىڭ قېشىغا كېتىپ تۇرغىن، كەلگىنىمدە بىر گەپ بولار، — يۈسۈپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى. — ئاتا! ئاتا! — دەپ يۈگۈرۈپ تۇتۇلغان بۇۋىئايىشە ئىككى قولىنى سوزۇپ يىغلىدى. — ئاتىسى، — دېدى ئاقبىرا، — مەن كەتمەيمەن، — ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىدىن تاراھلاپ ياش تۆكۈلدى، — سىلىنى خاپا قىلىپ قويدۇم. بارمىسىلا زادى بولمايدىغان زۆرۈر ئىش بولسا بېرىۋەر سىلى، مەنمۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇۋېرىي، ئاپامنى يالغۇز قويۇپ كېتىشكە كۆڭلۈم قانداقمۇ ئۇنىسۇن؟ يۈسۈپ ئارقىسىغا يېنىپ بۇۋىئايىشەنى يەنە قولىغا ئالدى،
كۆتۈرگىنىچە ھويلىغا چىقتى. ئانىسى، ئاچىلىرى، قېيىنئاچىلىرى، غۇلام - دېھقانلار شەھەر سىرتىغىچە چىقىپ ئۇزىتىپ قويماقچى بولغانىدى.
- ئابا، تۇغقانلار، مەشەدىلا ئۇزىتىپ قويۇشسىلا، يەتتە چاقىرىم يەرگىچە بېرىپ ئۇزىتىمىز دېيىشمىسۇن، مېنى يەتتە قېتىم تەڭلىكتە قويۇشىدىلا، مەشەدىلا خوشلىشايلى، - يەتتەز بولغان يۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزغان يابسۇ ئىشىك ئالدىغا ئۇزىتىپ چىقتى.
- سىلىنى تەڭلىكتە قويۇشنى خالىمايمەن، بالام، ئاقيوللۇق بولسىلا، - دەپ قۇچاقلاپ پېشانىسىگە سۆيدى. يۈسۈپ ئارقىسىغا قاراپ - قاراپ، يۇم - يۇم يىغلىغىنىچە ياشلىقنى پولاتلاتقان ئاقبۇراغىمۇ، ئۇ باغرىغا تېگىۋالغان ئوماق قىزىغىمۇ ئىچىدە خوش ئېيتتى. يۈسۈپ ئوردىغا بېرىپ سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن كۆرۈشتى. بۇغرا قاراخان مەكتۇپنى ئوقۇپ چىقىپ قول قويۇپ، مۆھرىنى بېسىپ بەردى.
- مەكتۇپ ئىخچام، مەزمۇنلۇق يېزىلىپتۇ، ئاقيوللۇق بولۇڭ بەگىيۈسۈپ، خوش خەۋەر ئېلىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمەن.
- دىدار كۆرۈشكىچە خوشۋاق بولسىلا، ئالىيلىرى.
- ھاجىپ، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرىنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويمىغايلا، - دېدى تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قول باغلاپ تۇرغان ئىنانچۇبەگ، - سىلى ناھايىتى ئەقىللىق، پاراسەت ئارقىنى بىلەن چىلبورىنى باغلاپ قويغۇچە قايتىپ كەلگەيلا.
- بۆرىسىز يايلاقتا مال باققىلى بولمايدۇ، جاناپلىرى، - دېدى يۈسۈپ، - مەن چىلبورىنى باغلاپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلۇغ بوۋىمىز ئوغۇزخانغا يول باشلىغان كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى سەمىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن بارماقچىمەن. ئىنانچۇبەگنىڭ كۆلكە كەتمەيدىغان چىرايى بىر ئۆچۈپ، شۇ ھامان ئەسلىگە كەلدى. ئۇ كۈلۈمسىرەپ:
— ئويلىغان يېرىمدىن چىقتىڭىز، مەنمۇ شۇنداق دەپ كېچىدىم. خەير، ئامان بولۇڭ، — دېدى. كۆڭلىدە «سەندەك بىر كىتاب مەستانىسى تالىپقا جەڭگە خۇمار بۆرە تەگسەن ھەرگىز يول قويمايدۇ» دەپ ئويلاپ، خالىمىغان ھالدا سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن ئوردا دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
بىر ئاي ئۆتتى. «نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلەر كەن» دەپ كۈتكەن سۇلايمان ئارسلانخانغا بۇ ئاي تولىمۇ ئاستا ئۆتكەندەك بىلىندى. دەھلىزدىن ئىشىككە تولا قاراپ كۆزلىرى تېشىلگەن يابىرا بۇ ئاي ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى. كۈندە دېگۈدەك ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يولغا تەلمۈرۈپ قارايدىغان ئاقبىراغا بولسا بىر يىلدەك بىلىنىپ تاقىتى تاق بولدى. يۈسۈپ دەل بىر ئايدا — ئۈجمە ئاخىرلىشىپ، ئۆرۈك پىشقاندا تۇيۇقسىز ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
— كۆل بويىدىكى سۇپىدا قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان يابىرا ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولغان يۈسۈپنى قۇچاقلىغان ھالدا، ئاۋۋال كۈلۈپ، كېيىن يىغلىۋەتتى.
— جېنىم بالام، كۆز قارىچۇقۇم، يۈرەكلىرىم سۇ بولۇپ كەتكەندى. كەلدىڭمۇ، جېنىم بالام، ئوغلۇم، مادارىم.
— بۇۋىئايىشە «ئاتا!» دەپ سېنى تولا سېغىنىپ بەكمۇ سىغىندى. قارىسىلا، چوك بولۇپ قاپتىمۇ؟ — دېدى ئاقبىرا قېيىنئانىسىنىڭ كۆزىچە ھال سوراشتىن ئۆزىنى تارتىپ.
يۈسۈپ بۈدرۈك چاچلىرىنى ئۇزارتىپ تاشلانغان ئوماق قىزىنى قولىغا ئېلىپ باغرىغا باستى. سېغىنغان نەزىرى بىلەن مۆلدۈرىگەن كۆزلىرى لەھزىدە ياشقا تولغان ئاقبىرادىن ئۈنسىز ھال سوراپ قىزىغا باقتى:
— بۇۋىئايىشە جىگەر پارەم، سېنى بەك سېغىندىم، چوك بولۇپ قاپسەن قىزىم، — دېدى قىزىنىڭ پېشانىسىگە، مەڭزىگە سۆيۈپ.
— ئەمدى ماڭا كەلگىن قىزىم، ئاتاڭ چارچاپ — ھېرىپ قالغاندۇ، — دەپ بۇۋىئايىشەنى ئاقبىرا قولىغا ئالدى.
— كېچە كۈندۈز مېڭىپ، بۈگۈن ئەتەگەن چاشكا ۋاقتىدا قوزىچۇردۇغا يېتىپ كەلدۇق. بۇنداق تۇيۇقسىز كەلگىنىمدىن بۇغرا قاراخانمۇ خۇش بولدى. ئۆيگە باراي دېسەم ئۇنماي، چۈشتە بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ مانا ھازىر كېلىشىم، — يۈسۈپ گەپ قىلغاچ يابرانىڭ قولتىقىدىن يۆلەپ سوپىدا ئولتۇرغۇزدى، — مومام ئوبدان تۇرغاندۇ؟ ئاچاملارمۇ كېلىپ تۇرغاندۇ؟
— مومىلىرى ياشىنىپ قالدى، بالام، بىر كۈن ساق تۇرسا، بىر كۈن مىجەزى يوق بولۇپ قالىدۇ، كۈن ئاشۇرۇپ بېرىپ ھال سوراپ تۇردۇم، ئەمدى بۇ ئۆيگە ئەكىلىپ تۇرغۇزىمىز. قىزلىرىم كېلىپ تۇردى، ھەر كەلگەندە سىلىنى سورايدۇ، گەپلىرىنى قىلىشتۇق، بالام.
يۈسۈپ مۇزدەك سوغۇق ئانار شەربىتىنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ سەمەرقەنتنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىغان ئۇرۇق تۇغقانلار، قولۇم قوشنىلار، تونۇش بىلىشلەر كېچىچە ئۈزۈلمەي كېلىپ ھال سوراپ كېتىشتى …
3
ساراي ئۆينىڭ داغدام ئېچىۋېتىلگەن دەرىزىلىرىدىن كىرگەن غۇر غۇر شامال ئەبۇ پۇتۇھ مەھدۇمنىڭ ئۇزۇن ساقىلىنى يەلپۈندۈرۈپ، تەرلەپ پىشىپ ئولتۇرغان ئاشان بۇقانىڭ يۆتەللىك مەيدىسىگە سىلىق ئۇرۇلاتتى.
— ھە، ئۇكا، سۆزلىگىن، بۆرە تەگكەن قانداق تۇرۇپتۇ؟ — سورىدى تۆمۈربۇقا نەسىردىن لېگەنلەرگە كاسا قىلىپ قويۇلغان تاۋۇزنى پىچاق بىلەن يۇنۇپ.
— بۆرە تەگكەن غەزنىلەر بىلەن جەڭ قىپتۇمۇ؟ ئۇنىڭ مۇددىئاسى — مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەلدىڭىزمۇ يۈسۈپ؟ — ئادامتۇغرۇلمۇ سۆز كۈتۈپ ئۇنىڭغا قارىدى.
— بۆرە تېكىن بۇغرا قاراخانىمىزغا بويسۇنامىدۇكەن؟ — بۆرە تېكىن بالاساغۇنغا باستۇرۇپ كېلەمدىكەن؟ — بۆرە تېكىننىڭ مۆجىزىسى بارمىكەن؟ — كۈندۈزى ئادەم سىياقىدا يۈرگەن بىلەن كېچىسى بۆرىگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى راستىمىكەن؟
ئۆدمىش، يارۇق، ئادار، ئەربۇقلار قويغان بۇ سوئاللاردىن ئىبراھىم بۆرە تېكىن توغرىسىدا ئېپقاچتى گەپلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان يۈسۈپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا جاۋاب بەردى:
— يىقىر بۆرە تېكىن بىلەن ئالتە يەتتە يىل ئىلگىرى كۆرۈشكەنىدىم، ئەلھال، بويى ئۆسۈپ كۈچتۈڭگۈر ئەزىمەتكە ئايلىنىپتۇ. ئاتىسى ئالىپ تېكىن ئۆتكەن يىلى قازا قىلغاندىن بۇيان، ماۋە رائۇنناھر، خارەزىم دىيارىنى يالغۇز سوراپتۇ. يېنىدا تاجىلمۈلۈك ئاتلىق دانا ۋەزىرىمۇ بار ئىكەن، مېنى ئوبدان كۈتۈۋالدى. بۆرە تېكىننىڭ بۇرۇنمۇ مۆجىزىسى يوق ئىدى، ھازىرمۇ يوق. كۆكۈچ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ، ساقال بۇرۇتلىرى تىكەيلىشىپ تۇرغاچقا سۈرلۈك، بەھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، كېچىسى بۆرىگىمۇ ئايلىنىپ قالمايدۇ.
— بەگىيۈسۈپ، كېچىلىرى بۆرە تېكىنگە ھەمراھ بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟
— نەچچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن زىياپەت، سۆھبەتلەردە بىللە بولدۇم، ئۇ ئۆزگەرمىدى، — يۈسۈپ كۈلۈمسىرەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ «مەن مەشرىقتىكى بىردىنبىر غالىب پادشاھ، ماڭا تەڭ كېلىدىغان خان سۇلتانلار دۇنيادا تېخى تۆرەلگىنى يوق. مەن بويسۇنغۇچى ئەمەس، بويسۇندۇرغۇچى» دېگەن سۆزلىرىدىن بۇغرا قاراخان بولۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. پايتەخت قۇزئوردۇغا باستۇرۇپ كېلىش ئويى بولسىمۇ، بۇ تېخى
مۆددىئا، غەرەزگە ئايلانمىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن غەزنەۋىيلەرگە قارشى تۇرۇۋېتىپتۇ، سەلجۇقىيلار بىلەن يېقىنلىشىۋېتىپتۇ.
— توختاڭ، بالام، — تۆمۈربۇقا نەسىرىدىن ئۆزىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ سورىدى، — ئىبراھىم تېگىنغۇ شۇنداق يېرىم ياۋايى ئادەم، سىز بولسىڭىز ناھايىتى پاراسەتلىك. ئۇنى بۇغرا قاراخانىمىز بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە، قىلىچ كۆتۈرمەسلىككە كۆندۈرەلىدىڭىزمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ئاڭلىغۇم بار.
يۈسۈپ كۈلۈمسىرەپ ئېغىز ئاچتى:
— ئىبراھىم تېگىننى گۆدەك چېغىدا بۆرە باققان بولسىمۇ، ئۇ ھەقىقىي ئادەم، ناھايىتى سەزگۈر، ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ. بۆرە باققانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، قورقۇمسىزلىقى، بوي ئەگمەيدىغان، بوي بەرمەيدىغان ئىرادىسى، مىجەزىنىڭ چوسلۇقى ئۇنىڭ ئۆزىنى بۆرە تېگىن دەپ ئاتىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بۇ قېتىم تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندىم، ئاللا ئۇنى شۇنداق ئۆزگىچە مىجەزلىك قىلغانىكەن. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئىنسانلار ئارىسىغا ئېلىپ كەلگەن مەلىكە ئادىرا ئانىنى، جۈملىدىن يېقىننىمۇ ئۇنتۇمىغان. ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرغان مانا مۇشۇ ئەقىدە بولسا كېرەك. بۇنى بىلىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا سۇلايمان ئارسلانخان بۇغرا قاراخان بولغان مەملىكەت مۇبادا پارچىلىنىپ كەتسە، مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى گەپ ئارىسىدا ئەسكەرتىپ ئۆتۈۋېدىم، ئۇ دەرھال «قاراخانىيلار مەملىكىتىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ھاياتىمنىڭ مەقسىتى قىلىپ ياشاۋاتىمەن، سۇلايمان ئارسلانخان ئاغام بۇنىڭدىن غەم يېمىسۇن. پارچىلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئېلىمىزنىڭ زېمىنىغا زېمىن قوشۇش ئۈچۈن كۆتۈرگەن قىلىچىمنى ھەرگىز قىنىغا سالمايمەن» دېدى. مەن ئۇنىڭ مۇشۇ جاۋابىنى ئېلىپ كەلدىم. بۇغرا قاراخان ئاڭلاپ، خاتىرجەملىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
— بۇ تېخى ھېساب ئەمەس، — ئادامتۇغرۇل يۈسۈپنىڭ يېقىدىن تارتىپ ئۇنى سۆزدىن توختاتتى، — ئۈچ يىلدىن بېرى ئاستانىگە ئەۋەتمەي كېلىۋاتقان سېلىق، تارتۇقلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ باقتىڭىزمۇ، بالام؟ مانا بۇ مۇھىم مەسىلە، — دېدى ئادامتۇغرۇل، — بويۇنتاۋلىق قىلىدىغان — قىلمايدىغانلىقىڭغا نىسبەت بولىدىغان بۇ مەجبۇرىيەتنىڭ قانداق ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ.
— پېقىر سەمەرقەنتكە بېرىپ بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ۋە دۇنيا ئىشلىرى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەشكەن بولساممۇ، بۆرە تېكىن بۇ ھەقتە زادى ئېغىز ئاچمىدى. ئاخىرى مەن «قاراخانىيلار ئېلىگە قاراشلىق ھەرقايسى دىيارلاردىن ئاستانىگە ۋە بۇغرا قاراخانغا ئەۋەتىلىدىغان سېلىق، تارتۇقلار قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان، كۈچ — قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان بايلىق ھېسابلىنىدۇ. ئالىيلىرى، نېمە ۋەجىدىنكىن، ئۈچ يىلدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ماۋەرائۇننەھر، خارەزم دىيارىدىن سېلىق، تارتۇق ئاستانىمىزگە كەلمىدى؟ بۇنىڭدىن بۇغرا قاراخان خاتىرجەمسىزلەنمەكتە» دېگەندىم، بۆرە تېكىن دەرھال: «مەن ئاستانىگە ئەۋەتىلىدىغان سېلىق ۋە تارتۇقنى سەمەرقەنت شەھىرىنىڭ يول قۇرۇلۇشىغا، لەشكەرلىرىمنىڭ تەمىناتىغا ئىشلەتتىم، نامراتلارغا بەردىم، ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلگىنىم يوق، بەگىيۈسۈپ. بۇغرا قاراخان ئاغام بۇنىڭدىن خاتىرجەمسىزلەنمىسۇن» دەپ بۇ ھەقتىكى گەپنى تۈگەتكۈچى بولۇۋەردى، مەن: «ئىبراھىم تېكىن ئالىيلىرى، قۇرۇق قول قايتىپ بارسام بولماس، ھېچ بولمىسا بۇ يىلقى سېلىق ۋە تارتۇقنى ئېلىپ كېتەي» دېدىم. ئۇ ياق دېمىدى. مىڭ سەر ئالتۇن، ئون تۈمەن سەر كۈمۈش، بەش تۈمەن دانە تىللا بىلەن سەمەرقەنتنىڭ چاپقۇر ئاتلىرىدىن يۈزنى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
— ناھايىتى ئوبدان بوپتۇ، بالام، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز جەڭگى - جېدەللىدىن خالىي بولۇپ كەتسە ئەجەب ئەمەس.
ئادامتۇغرۇلنىڭ بۇ سۆزىنى ئاشانبۇقا، تۆمۈربۇقا نەسىردىن، ئۆدەملەر ماقۇللاپ باش لىگىشتىشتى.
— ئېيتقانلىرى توغرا، چاغىربەگ ئاتا. ئەمما، بۆرە تېگىن قېشىدىمۇ، بۇغرا قاراخانىمىز يېنىدىمۇ ئىش بۇزار، دىلى بىلەن تىلى باشقا ئالا كۆڭۈل ئادەملەر يوق ئەمەس، مانا شۇلار ھەر زامان ئەلگە ئاپەت تېرىيدۇ، بۇنىڭدىن ھوشيار بولمىساق بارمىقىمىزنى چىشلەپ قالىمىز، ھەممىدىن بۇrun بۇغرا قاراخان بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ.
يۈسۈپنىڭ بۇ سۆزى ھەممىلەرنى ئويغا سېلىپ قويدى. ئۆلار ئاۋۋال ھاردۇق ئېشى بولغان ئۆگرىنى ئىچىشىپ، ئاندىن قىرغاۋۇل گۆشى بېسىلغان پولونى يەپ قايتماقچى بولۇشتى. يۈسۈپ ئەرلەرگە سەمەرقەنت بەقەسەمىدىن تونلۇق، ئاياللارغا بۇخارا ئەتلىسىدىن كۆڭلەكلىك قويۇپ ئۆزىتىپ قويدى، ئۇ خاس ھۇجرىسىغا كىرگەندە، ئاقبىلەز بۆشۈكتىكى بوۋاقنى يېشىنۆردۈرۈۋاتاتتى.
— ئاتا! ئاتا! سەبىي قىز قوللىرىنى ئوزارتىپ، پىلدىڭلاپ مېڭىپ يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كەلدى.
— بالام، يۈرەك پارەم، — يۈسۈپ قىزنى كۆتۈرۈۋالدى.
— ئولتۇرۇسلا، بېگىم، — دېدى ئاقبىلەز ئېرىنىڭ تونىنى سالدۇرۇپ.
يۈسۈپ بۆشۈكتىكى قۇچقاچقا ئېلىپ ئۈچ قات يەكتەندازغا ئولتۇردى. تەكچىدىكى ئۈچ كۆزلۈك شامداندا شام يېنىپ تۇراتتى. ئۇ تامغا ئېسىپ قويۇلغان مىسرىنىڭ يوللۇق شايىسىدىن تىكىلگەن تون ۋە ئاق سەللىگە قاراپ ئاتىسىنى ئەسلەپ قالدى.
رەيھاندىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۈسۈپ باغدىكى ئۆيدىن تاشقىرىقى ھويلىدىكى ئاتىسىنىڭ بۇ ھۇجرىسىغا كۆچۈپ چىققانىدى. رابىيە بولسا ئىچكىرى ھويلىدىكى زەھىران خانىمنىڭ
685
ئۆيىگە كۆچۈۋالغانىدى. ئاتا - ئانىلار بالىلارغا، بالىلار بولسا ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىپ دۇنيانى ئاۋات قىلىدۇ، يېڭىلايدۇ، مانا بۇ تەقدىر.
— قىزلىرىنى سېغىنماپلا - ھە؟ سىلىنى ساقلاپ ئولتۇرغىلى نەۋاق، سېغىنغان بولسىلىرى گەپلىشىپ ئولتۇرۇۋەرمەي، ئۆيلىرىگە بۇرۇنراق كىرسەڭ بولاتتىلە، — دېدى ئاقبىلەك ئۇنىڭغا بىر پىيالە ناۋات سالغان چاينى سۇنۇپ.
— سېغىنمىغانىدەك تۇرامدىمەن، بىكەم، — يۈسۈپ چاينى ئېلىپ ئوتلىدى. ئۇ خوتۇنىنى سۆيۈندۈرۈپ ئەركىلىتىپ «بىكەم» دەپ ئەزىزلىسە، ئاقبىلەقمۇ ئۇنى قەدىرلەپ، ھۆرمەتلەپ «بېگىم» دەپ ئەتىۋارلايتتى. مۇشۇ تاپتا يۈسۈپ خوتۇنىنىڭ نازۇك تۇيغۇ - ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ، مۆگدەپ قالغان قىزىنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — يولدىمۇ، سەمەرقەنتتىمۇ قىزىمنى زادى ئۇنتۇمىدىم، كۆرگۈم كېلىپ شۇنچە بىتاقەت بولدۇمكى، قاناتىم بولسا نەچچە قېتىم ئۇچۇپ كېلىپ كۆرۈپ كەتكەن بولاتتىم، بىكەم. كەلگەن چىغىمدا مۇنداق خىجىل قىلىۋاتىسىز، قانداق چىدايمەن؟ مېھمانلارنى ئۇزاتماي تۇرۇپ…
— سەمەرقەنت توغرۇلۇق بىزگىمۇ سۆزلەپ بەرمەمدىلا ئەمىسە، — دېدى ئاقبىلەك ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، — بىزنىڭمۇ ئاڭلىغۇمىز بار، بېگىم.
— ئاتا! ئاتا! — كۆزىنى ئاچقان قىز بۈدۈرۈق قولى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى سىلىدى.
— ئاۋۋال سوۋغاتلارنى بېرىي، ئاندىن سۆزلەپ بېرىي.
— بايا ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى بەردىڭىزغۇ، يەنە نېمە سوۋغا بۇ، بېگىم؟
— قاراق بۇنىڭغا، — يۈسۈپ قويۇن يانچۇقىدىن ئالغان ئالتۇن سائەتنى ئۇنىڭغا بەردى، — بۇنى سەمەرقەنت بازىرىدىن سېتىۋالغانىدىم.
ئاقبىرا سوۋغاتنى ئېلىپ قاراپ، سۆيۈنگىنىدىن ئېرىنىڭ مۈرىسىگە بىر قولىنى قويدى.
— رەھمەت بېگىم، — ئونىڭ خۇمارلاشقان كۆزلىرى توي ئاخشىمىدىكىدەك چاقناپ كەتتى. بۇۋىئايىشە قوللىرىنى سائەتكە ئوزارتتى.
— قىزىم، ساڭىمۇ بار، — يۈسۈپ گۈل چېكىلگەن سېپىغا كىچىك كۈلدۈرمىلار بېكىتىلگەن ئويۇنچۇقنى ئونىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدى. خوش بولۇپ كەتكەن بۇۋىئايىشە كۈلدۈرمىنى جىرىڭلىتىپ ئويناشلى تۇردى.
— قىزلىرى ئەمدى كېچىچە ئۇخلىمايدىغان بولدى، — دېدى ئاقبىرا، — تۈنۈپ چىقىدىغان بولدۇق. بۆرە تېگىنىڭ ئاتىسى شاھزادە، ئانىسى بۆرە ئىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم، راستىمىكىن، بېگىم؟
يۈسۈپ كۈلۈپ كېتىپ، كىچىك چاغىدا مەلىكە ئادىرادىن ئاڭلىغانلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى.
— ھازىر بۆرە تېگىنىڭ بالىلىرى بارمىكىن، كۆردىڭىزمۇ؟
— خارەزم پادىشاھىنىڭ شىكارغا چىققان ئون تۆت ياشلىق قىزىنى ئېلىپ قېچىپ شۇنىڭغا ئۆيلەنگەنمىكىن، ئونىڭدىن باشقا، توقال، چۆرىلىرىمۇ بار ئوخشايدۇ، بىكەم.
— بۆرە مىجەز بولغاندىكىن ئۆيلەنمىگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاۋىدىم، ئونداق ئەمەس ئىكەن — دە.
— گەرچە بۆرە يىرتىقۇچ گۆشخور ھايۋان بولسىمۇ، ئونىدا ئۆزىگە خاس قەھر — غەزەپ بىلەن بىللە، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇھەببەتمۇ بار. ئەركەك بۆرە چىشىسىغا ھەرگىز زۇلۇم قىلمايدۇ. ئىبراھىم تېگىننى ۋەھشى ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بۆرە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. بۇ بۈگۈن بىلگەنلەرنى ئويلىنىپ كۆرۈپ، يېڭى تونۇش ھاسىل قىلىشغا سەۋەب بولىدىغان سىرلىق ۋەقە، — يۈسۈپ سۆزىنى توختىتىپ ئويلىنىپ قالدى، بىر ئىش ئېسىگە
كەلگەندەك قىلىپ سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى، مەن بۇ قېتىم سەمەرقەنتكە بېرىپ بۆرە تېگىنىنى چۈشىنىپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ ئاچ كۆزلۈكىنىڭ چەكسىزلىكىنىمۇ يامان ئىكەنلىكىنى، چىرايى، مىجەزى بىر بىرىگە ئوخشىمىغاندەك، نىيەت، تىلىنىڭمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى چوقۇر ھېس قىلدىم، بېكەم. ئاتامنىڭ ئاپاتىنى پۇرسەت دەپ بىلگەن بەزى يېقىن كىشىلىرىمىز نۇرغۇن مال مۈلكىمىزنى يۇتۇۋېلىشقا باشلاپتۇ.
كىم ئىكەن ئۇ؟ ئاقبىلا ئەجەبلىنىپ سورىدى.
بېكەم، قىزىمىز ئۇخلاپ قاپتۇ. كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قىلىپ، بۇ گۈزەل كېچىنى ئىسراپ قىلغۇم يوق. ئەمدى ياتساق بولارمىكىن.
ئاقبىلا قىزىنى مامۇق كۆرپىگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىنى يېپىپ قويدى. شامنى ئۆچۈردى.
يۈرسىلە بېگىم، ھۇجرىمىزغا چىقايلى، سەل ئېگىلىپ خوتۇنىنىڭ سۇنۇلغان قولىنى تۇتقان يۈسۈپ ئىچكىرى ئۆيگە كىردى. كىيىملىرىنى سېلىپ ئەنئەنىۋى پۇراق كېلىپ تۇرغان يوتقانغا كىردى. ئاقبىلا باغرىدىكى كۆكسىدىن ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ يېنىدا باش قويدى …
يىگىرمە بەشىنچى باب: نادامەتلىك پۇشايمان
1
بۇ دۇنيادا گۈل - گىياھتىن تارتىپ قۇرت - قۇڭغۇزغىچە ھەممە جانلىق تىنچ مۇھىتقا، يورۇقلۇققا موھتاج، ئىنسانلار تېخىمۇ شۇنداق. تىنچ تۇرمۇشتا خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈۋاتقانلارمۇ، جەڭ - ئۇرۇشنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلارمۇ خۇدادىن ئوخشاشلا تىنچلىق - ئامانلىق تىلىشىدۇ. تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى ئۈمىد قىلمايدىغان كىشى دۇنيادا يوق. ھەتتا ئوغرى - قاراقچىلارمۇ، زالىم - زوراۋانلارمۇ تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى بۇزۇپ تۇرۇپ ئۇنى تىلىشىدۇ. بۇ جاھاننىڭ ئاجايىپلىقى، ھاياتنىڭ غەلىتە يېرى، تەقدىرنىڭ سىرلىقلىقى مۇشۇ بولسا كېرەك.
بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخانمۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تىنچ ھايات كەچۈرۈشىنى، ئۆزىنىڭمۇ تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرۇشىنى ئاللاھتىن تىلەپ، بۇ تىلەككە يەتكەندەك قىلغانىدى. ئۇ يۈسۈپ سەمەرقەنتكە بېرىپ كەلگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىدىن خاتىرجەملىنىپ قالغانىدى. ئۇ ھەرقايسى ئېلىكخانلىق، بەگلىكلەرنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا، يېزا - قىشلاقلىرىدا مەدرىسە، مەكتەپ بېنا قىلىش ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن يارلىق چۈشۈردى. قەشقەر، بالاساغۇن، سەمەرقەنت، بۇخارا، شاش، ئوتتۇز، كىشىگىت شەھەرلىرىدە مەدرىسە، مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرى باشلىنىپ كەتتى. يۈسۈپ ئۆزى
پۇل - مال سەرپ قىلىپ «رەيھانىيە مەدرەسەسى»نى ياسىتىشقا كىرىشتى. ئىش باشلانغان كۈنى كالا، قوي سويۇپ، ئاللانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن چىغايلارغا نەزىر بەردى. سۇلايمان ئارسلانخان ئۆزى كېلىپ ئۇل قويۇپ بەردى. ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇممۇ مەدرەسە تېمىغا بىرىنچى خىشنى قويۇپ بەردى. يۈسۈپ مەدرەسە دەرۋازىسى ئورنىتىلىدىغان ئالدىنقى تامنىڭ بىرىنچى قاتارىنى ئۆزى ئەتتى. بۇ ئىمارەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىر يىلدا تامامىلاندى. يۈسۈپ بۇ مەدرەسەنىڭ باش مۇدەررىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇغرا قاراخان «رەيھانىيە مەدرەسەسى» ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچىنى ئاۋام ئالدىدا ئونىڭغا تاپشۇردى، يەنە ئۇنى ھاجىپلىقتىن قالدۇرۇپ، «توغرائى دىۋانى»نىڭ ئەمىرلىكىگە تەيىنلەپ، دۆلەت تامغىسىنىمۇ ئونىڭغا تاپشۇردى. بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى كۆپىيىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەت زىممىسىگە يۈكلەندى. شۇنداقتىمۇ «رەيھانىيە مەدرەسەسى» گە ھەپتىدە ئىككى قېتىم كېلىپ دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇردى. ئاتىسى قالدۇرۇپ كەتكەن تىجارەت ئىشىنىمۇ تاشلاپ قويمىدى. ئىككى ھەپتە ياكى ئايدا بىر قېتىم بويانقار، ئادارلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، سودا - سېتىق ئەھۋالىنى سوراپ بىلىپ تۇردى. ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ھەممىسىنى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلىپ، سودا دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ھېسابات ئىشلىرىدا چوڭ چاتاق بارلىقىنى ئاللىقاچان بىلگەن بولسىمۇ، بۇ توغرۇلۇق ئۈن چىقماي كېلىۋاتاتتى. ئالدىنقى يىلى سەمەرقەنتكە بارغاندا، ئۇ يەردىكى تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىنىڭ ئەھۋال مەلۇم قىلىشىدىن، بۇ يەرگە پات - پات كېلىپ تۇرىدىغان بويانقارنىڭ يەنە بىر تىللا سارىيىنى ئاچقانلىقىنى، شەھەر ئىچىدىن باغلىق قورۇ ئېلىپ، بىر باينىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەنلىكىنى ئۇققان ئىدى.
«قانداق قىلىش كېرەك؟ مەيلىگە قويۇۋېتىش كېرەكمۇ؟ شۇنداق كېتىۋەرسە بويانقار قانداق ئاقىۋەتكە قالار؟ ئايسىلىگ
ئاڭلىسا نېمىدەپ قالار - هه؟ ئۇنى بۇنداق نېپىسانىيەتچىلىك يولىدىن توسۇپ قېلىش زۆرۈر» دەپ ئويلىغان يۈسۈپ، ئوردىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، ئېتىنى «بوستانكۆل» مەھەللىسىگە بۇرۇدى.
ئاشانبۇقا ئون بەش يىل بۇرۇن مەھەللىدىن باغلىق يەر ئېلىپ قورۇ - جاي سالغانىدى. قوللىرى، دېدەك - خىزمەتكارلىرى يىلسېرى كۆپىيىپ، ئۆي، ھويلىلىرىمۇ كېڭىيىپ كەتكەنىدى. مەرھۇم رەيھاندىنبەگنىڭ ياردىمى بىلەن بىر دېھقان قولىدىن مال - مۈلۈكلۈك بايغا ئايلانغىنىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغان بۇ بوۋاي ئەركىنلىكتە قوللىرىنى ئازاد قىلىپ، ھۆر دېدەك - خىزمەتكارلار بىلەن قالغانىدى.
يۈسۈپ ئىككى قاناتلىق چوڭ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مۇھاپىزەتچى نۆكەر ئاتىنى قايتۇرۇۋېتىپ توچ ھالقىغا قول ئۇزارتتى. بىر قانچە قېتىم شاراقتىشۇندى، ئىشىك ئېچىلدى.
- كېلىسلى، ئەمر، كېلىسلى، - دېدى خىزمەتكار تەزىم قىلىپ، - ئاشان بەگىمگە خەۋەر قىلاي، جانابلىرى ئۆيگە كىرىپ تۇرسىلا.
يۈسۈپ كەك - ئازادە ھويلىغا كىردى. «بىزنىڭ قورۇغا ئوخشىتىپ ياساپتۇ، ئەقىللىق، ئىشچان بوۋاي - دە، بۇ. ئوغلىنىڭ ئىشلىرىنى بىلسە نېمە دەر…» ئۇ خىيال بىلەن رەتلىك تىكىلگەن دەرەخ، گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىن كۆكىرىشكە باشلىغىنىغا زېھن قويۇپ ئاستا ماڭدى. بىر توپ بالىلار ھويلىدىكى ئۆجمە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە «قارا - قارا قۇشلارىم» ئويۇنىنى ئويناۋاتاتتى. خىزمەتكار چىرايلىق ياسالغان ئادەك ئايرىپ تۇرغان باغقا كىرىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كەت مەن كۆتۈرگەن ئاشانبۇقا باغدىن چىقتى.
-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاشان بوۋا.
-
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەمر بالام، مۇبارەك قەدەملىرى غېرىب خانىمىزغا قۇت كەلتۈرگەي، - ئاشانبۇقا كەت مەننى
خىزمەتكارغا بېرىپ كۆرۈشتى، كېلىسلى، كېلىسلى بالام، مومىلىرى گەپلىرىنى تولا قىلىدۇ. ئاشانبۇقا يۈسۈپنى ئايۋانغا باشلاپ تۆرده ئولتۇرغۇزدى. ئۆيدىن سوغىچاقلاپ چىققان بۈدراچ موماي يۈسۈپنىڭ باش كۆزىنى سىلاپ كۆز يېشى قىلدى. قېرىپ قالدىم بالام، پات پات بارالمىغاچقا، كۆرگۈم كېلىپ سېغىنىپ كېتىمەن. ئوبدان تۇرۇپسىلا مومام، ئاتام ۋاپات بولۇپ ھەممە ئىش ماڭا قالغاچقا بىكار بولالماي يوقلاپ كېلەلمىدىم. قامىتى تولغان بىر جۇۋان چىقىپ داستىخان سالدى. يەنە بىر غۇنچە بوي چوكان مەزە گېزەك قويۇپ چاي سۇندى. بەگىيۈسۈپ گەرچە ئۆمۈر بولسىمۇ ئۆز بالامدەك، يۈزۈڭلارنى يېپىۋالماي ئولتۇرۇڭلار خانلىرىم، دېدى ئاشانبۇقا روماللىرى بىلەن چېھرىنى يوشۇرۇۋالغان جۇۋان بىلەن چوكانغا. ئۇلار تارتىنغان ھالدا يۈزلىرىنى ئېچىۋېتىپ ئولتۇرۇشتى. بۈدراچ موماي يۈسۈپنىڭ ئۇلارغا ئەجەبلىنىپ قارىغىنىنى سېزىپ دېدى: سىلىدىن يوشۇرمايلى، بالام، بۇ ئىككىيلەن مېنىڭ كۈنداشلىرىم. قېرىغان چېغىمدا ئاشان بوۋىلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئادا قىلالمىدىم. بۇ باغقا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، دەسلەپ ئۆز رازىلىقىم بىلەن بۇ زۆھرىخاننى ئېلىپ بەردىم، بۈدراچ موماي يەرگە قاراپ ئولتۇرغان قوي كۆزلۈك تەمبەل جۇۋاننى كۆرسەتتى، كېيىن، بازاردىن سېتىۋالدىم دەپ بۇ ئاينىساخاننى ئېلىپ كىرىپتۇكەن، ئۇنىمۇ ئۆزىگە نىكاھلاندۇرۇپ قويدۇم. ئۆي ئىشلىرىنى بۇلار قىلىپ، مەن ئارام ئېلىپ قالدىم. ھازىر زۆھرىخاندىن يەتتە، ئاينىساخاندىن بەش بالىلىق بولدى، ئۆزىمۇ شۇنداق تېنچ تۇردى. يۈسۈپ موماينىڭ سۆزلىرىدە ھېچقانداق كۆڭۈل ئاغرىقى يوقلۇقىدىن ھەيران بولدى: «مۇنداقمۇ ئائىلە بولىدىكەن ھە!
ئاللا بەندىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى نېمانچە ئاجايىپ، خىلمۇخىل ئورۇنلاشتۇرغان - ھە ! …»
ئاشانبۇقا ئىككى خوتۇنىغا كۆز ئىشارىتى قىلىۋەردى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا چىقىپ كېتىشتى. يۈسۈپ سەمەرقەنتتە ئاڭلىغانلىرىنى دەپ بېرىپ دېدى:
— ئاشان بوۋا، بودراچ موما، مەن بويانقارنىڭ خوتۇن ئالغىنىغا ھەرگىز نارازى ئەمەسمەن، شەرىئىتىمىزدە شارائىتى يار بەرسە تۆت خوتۇنلۇق بولۇشقا ئىجازەت قىلىنغان. ئەمما، سودا ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، مىڭ سەر ئالتۇن، بىر تۈمەن تىللا قىممىتىدىكى مال - مۈلۈك، جاۋاھىراتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپلا قالماي، دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باج - سېلىقنىمۇ نەچچە يىلدىن بېرى كەم تاپشۇرۇپتۇ. دەسمىسىنى ئاز سودىگەرلەرگە يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن قەرز بېرىپ، جازانىخورلۇق قىلىۋېتىپتۇ. ھەممىدىن يامان بولغىنى زاكات بەرمەي، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىپتۇ. يالغۇز ئوغۇل بولغان بويانقارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ھەربىرىڭلارنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى ۋىجدانىي بۇرچۇم دەپ تونۇغان بولساممۇ، بۇ يەرگە ناھايىتى خىجىلچىلىقتا كەلدىم …
ئاشانبۇقا سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى:
— مۇنداق دېسەڭ غوجام بالام، سىلىدىن باشقا ئادەمدىن ئاڭلىغان بولسام زادىلا ئىشەنمەيتتىم، — ئۇ لاغ - لاغ تىترەپ چىرايى بوزىرىپ كەتتى، — خوتۇن ئالغىنىنىمۇ بىزگە دېمەپتۇ دېسە، ئۇ ئالا كۆڭۈل. ئۇ دۆيۈز تۇزكورلۇق قىپتۇ، ئەسلىنى ئۇنتۇغان بەتبەخت! بېشىنى چۆگۈننىڭ بېشىنى ئۆزگەندەك ئۈزۈۋەتمەيدىغان بولسام ! … كاززاپ، ھارامزادە! شۇڭا بۇ ئۆيگىمۇ ئاز كېلىدىغان بولۇپ قاپتىكەن — دە، ئېلىپ كەلگەن تىللا، ماللىرىغا ئالدىنىپ، بالام روناق تېپىۋېتىپتۇ دەپ خوش بولۇپ يۈرۈپتىمەن تېخى. ھۇ ئىماندىن چىققان ئەبلەخ! ئىلگىرى بىر بالام بار ئىدى، ھازىر ئون ئىككى ئوغۇل - قىزىم بار،
كەچتىم ئونداق بالايى بەتتەردىن! ئۇنى نېمە قىلسا مەيلى بەگ بالام، ئۇ شۇم پېشانىنى كۆزدىن يوقاتسىلا.
— ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم! … — دەپ پىچىرلىدى بودراچ موماي ۋە پىچقىراپ يىقىلدى، ئۇ ھوشىدىن كەتكەنىدى، يۈسۈپ ئۇنى يۆلىدى. شىردەك ھۆركىرەپ ساقاللىرىنى يۇلۇۋاتقان ئاشان بۇقا بودراچ موماينىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئالدى.
«ئاپلا، دېمەي تۇرسام بوپتىكەن، بۇلارنى ھەسرەت — نادامەتكە غەرق قىلىۋەتتىمغۇ. ئېيتماي، شەرىئەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان بولسام تېخىمۇ ئازابلىنىپ تۈگەشمەپ كېتەر ئىكەن …» دەپ ئويلىغان يۈسۈپ:
— ئاشان بوۋا، ئۆزلىرىنى بېسىۋالسلا. بۇ چىگىش مەسىلىنى بالدۇر ئاز كېچىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. سىلى بويانقارنى چاقىرىپ كېلىپ، غەزەپلەنمەي، ئاچچىقلانماي، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ سۆزلىشىپ باقسىلا. سەمىمىي بولسا، قىلمىشىنى تونۇسا ئاللا گۇناھىدىن ئۆتۈپ، ئۇنى توغرا يولغا باشلايدۇ. مەن بويانقارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىغا ئىشىنىمەن.
چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئاشان بۇقا كۆزىنى ئاستا ئاچقان بودراچ مومايغا قاراپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. قەدىناسنىڭ چىكىسىنى سىلاپ، پۇت — قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈردى. موماي يۇم — يۇم يىغلاپ:
— ئەمدى ئايسىلىگ خان قىزىمغا نېمە دەرمەن. ئۇ شۇمنى مۇنداق ئاپاسىزلىق قىلار، دەپ كىممۇ ئويلىغان ئاتىسى، ئاھ، خۇدايىم … — دېدى لەۋلىرىنى چىشلەپ.
— موما، يىغلىمىسلا، بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر خىيانەتچىلىك، ئوغرىلىق جىنايەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىز ياخشى نىيەت، ياخشى تىلىكىمىز بىلەن بويانقارنىڭ يامان يولدىن قايتىشىغا ياردەم بېرەيلى، — دېدى يۈسۈپ.
— مەن ئۇ بەتبەختنى چاقىرتىپ، دەرھال سۆزلىشىپ
باقسام بولغۇدەك، دېدى ئاشانبۇقا بوغۇلۇپ.
بوۋا، شۇنداق بولسۇن، سىلى سۆزلىشىپ باقسىلا، ئاندىن مەن كۆرۈشەي، دېدى يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، لېكىن ھەرگىز ئاچچىقلانمىسىلا.
يۈسۈپ تەييار بولۇپ قالغان غىزاغىمۇ ئولتۇرماي قايتىپ كەتتى.
ئاشانبۇقا ئىككى دېدەكنى بويانقارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
ئەمدى بالام قانداق تەقدىرگە دۇچ كېلەر ئاتىسى؟ ئوغۇللىرىنى قۇتقۇزۇپ قالسىلا، مېنىڭ دۇنيادا شۇ بالامدىن باشقا خوشاللىقىم يوق، بۈدۈرەچ موماي يىغلاپ ئېرىگە يالۋۇردى.
يۈسۈپتىن ئاڭلىغانلىرىنى ئويلىغانسېرى ئاشانبۇقىنىڭ چاچ ساقاللىرى تىكەنلىشىپ تۇرالماي قېلىۋاتاتتى.
ئاتىسى، بەگىيۈسۈپ بالامنىڭ گېپىنى يادىلىرىدا تۇتسىلا، بالىغا قاتتىق تەگسىلە جەھلىنى قاتۇرۇپ قويدىلا.
بولدى، جاۋۇلداۋەرمە! تىللىماي ئارزۇلاپ چوك قىلغان بالاڭنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە شۇنداق دەمسەن قېرى جادۇ؟ ئاشانبۇقا موماينى قاتتىق سىلكىۋەتتى. بۇ چاغقىچە ئۇ قېرىندىشىغا قاتتىق گەپ قىلىش تۈگۈل «سەن» دەپ باقمىغانىدى.
ئىشىكتىن كىرگەن بويانقار سالام قىلىپ قول بەردى.
پاسكىنا قولۇڭنى يىغىشتۇر بەتبەخت! دېدى ئاشانبۇقا غەزەپلىك، ئەمما بوش ئاۋاز بىلەن.
ئېسىل شاھى تونىنى سېلىشقا تەمشەلگەن بويانقار مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى.
ئاتا، نېمە بولدىلا؟ بۇنچىۋالا ئاچچىقلاپ كېتىشلىرىگە نېمە سەۋەب بولدى؟ ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلمەي يىغلاپ تۇرغان ئانىسىغا قارىدى، ئاپا، دېسىلە، مەن ئاتامغا نېمە يامانلىق
قىپتىمەن؟ — نېمە قىپتىمەن دەيسەنغۇ بەدەرك؟! بالام بەگىيۈسۈپ ھەممە قىلمىشىڭنى بىلىپ بوپتۇ. — ئاتا، بەگىيۈسۈپ كەلدىمۇ؟ — كەلدى. ئونىڭ ئالدىدا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، ئەمدى بىلگەنسەن؟! — ئاشانبۇقا كەينىگە دەسلىگەن بايوچەچە ئوغلىنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەپ كەلدى، — ئېيت بېغەرەز، سەن بۇرۇن قۇلمىدىڭ، خۇرا؟ — قۇل ئىدىم. — سېنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان كىم؟ — مەرھۇم ئاتىمىز رەيھاندىنبەگ جاناپلىرى. — ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەپ، كۈيۈئوغلۇ قىلىپ تىجارەتكە سالغان، يۈز تاپتۇرغان كىم؟ — مەرھۇم ئاتىمىز … — ساڭا ئىشىنىپ شۇنچە نۇرغۇن دەسمايە، مال — مۈلۈك بىلەن، جاۋاھىرات، تىللا سارايلىرىغا غوجايىن قىلغان كىم؟ — مەرھۇم ئاتىمىز … — بىلىدىكەنسەن — ھە! ئۇنتۇپ قالماپسەن دۆيۈز، — ئاشانبۇقا بارمىقىنى بېگىز قىلىپ، بويانقارنىڭ تەر تېپچىگەن پېشانىسىگە نوقۇدى، — سەن ئاشۇ غەمخان ئاتىمىزغا سادىق بولدۇڭمۇ؟ — مەن … مەن … — تىلىڭنى چاينىما كاززاپ! سېنىڭ ھەممە ھارامزادىلىكلىرىڭنى بىلىپ بولدۇم. ئەمدى ئاتاڭ ئىككىمىزگە يوشۇرماي دەپ بەر، بولمىسا ئادەم تونۇمايدىغان كۆزلىرىڭنى ئويۇۋېتىمەن. — سادىق بولالمىدىم … — قاچاندىن بېرى خىيانەت، ئوغرىلىق قىلىشقا كىرىشتىڭ، دۆيۈز؟
— ئاتىمىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن. — بەگىيۈسۈپ بالامنى ياش، گۇمۇش كۆرۈپسەن دە، قاپاق باش. — ياق، ئۇ ناھايىتى زېھرەك، چېچەن. — بۇ دېگىنىڭ راستمو، كاززاپ؟ — راست. — قەسەم ئىچ! بويانقارنىڭ ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى: — ئاللا ئۆمرۈمنى كوتا قىلسۇن. — ئېيت، سەن خىيانەت قىلغان ئالتۇن تىللا زادى قانچىلىك؟ قوللىرى بىلەن پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەن بويانقار ئويلىنىۋېلىپ دېدى. — مىڭ سەر ئالتۇن، تۈمەن تىللادىن ئاشىدۇ. — ئەگەر يالغان سۆزلىگەن بولساڭ، ئىچكەن قەسىمىڭ بويىچە ئاللا سېنى جازالايدۇ. — راستىمنى دەۋاتىمەن، ئاتا. — سەن قانچە قورۇ جاي قىلدىڭ؟ — تۆت. — ھەممىسى بالاساغۇندىمۇ؟ — ئىككىسى سەمەرقەنتتە، ئىككىسى بالاساغۇندا. — ئۇ قورۇلاردا كىم تۇرىدۇ؟ — خوتۇنلىرىم تۇرىدۇ. — نېمىشقا بۇنى ماڭا دېمىدىڭ؟ — ئويلىپ … — سەن ئۇيات نومۇسنى بىلمەيسەن، كاززاپ؟ قىلچىلىك ئۇيات نومۇس سەندە بولسا بۇنداق ئىنساپسىزلىق قىلمايتتىڭ. يەنە بىر قېتىم راستىڭنى دەپ باقە، كىملەرنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەنىدىڭ؟
— بۇنى سورىمىسىلا، ئاتا، ئۆيلىنىش گۇناھ ئەمەسمۇ؟ — بويانقار تەرىنى تۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. — شۇنداق، بۇنى بىلىدىكەنسەن. خىيانەت قىلىنغان ھارام پۇلنى خەجلەپ ئۆيلىنىش كەچۈرگۈسىز گۇناھ، ئالغان خوتۇنۇڭمۇ ساڭا ھارام! يەنە دەيدىغىنىڭ بارمۇ؟ چىرايى ئۆچۈپ غەلىتە بولۇپ كەتكەن بويانقار ئۈندىمەي كەتتى. — دۆلەتكە، بۇغرا قاراخانغا ئاسىلىق قىلغان بولساڭ قالدۇرماي ئېيت! — ھەممىنى دېدىم، مەن گۇناھكار؟ — دېگىنىڭ راست — ھە؟! — ئاشانبۇقا ئوغلىنى تېپىپ يىقىتىپ دەسسەپ چەيلىۋەتكۈدەك بولدى — ياق، يۈسۈپنىڭ ئېيتقانلىرى ئېسىدە بولغاچقا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىپ يىققان ھەممە مال — مۈلۈك، ئالتۇن — تېللالارنى بەگىيۈسۈپ بالامغا تولۇقى بىلەن تاپشۇر، تاپشۇرمىغان باجنىمۇ تولۇق تاپشۇر! قەرز بەرگەن پۇل ۋە قەرزدارلارنىڭ تىزىملىكىنى ماڭا ئەكىلىپ بەر، ئۇقتۇڭمۇ؟ — ئۇقتۇم. — كېلىنىم ئايسىلىق خان قىزىغا ۋاپاسىزلىقلىرىڭ، خىيانەتلىرىڭنى قالدۇرماي ئېيتىپ، تىزلىنىپ كەچۈرۈم سور! ئۇ خان قىز ساڭا زايه كېتىپتۇ، ئاجرىشىمەن دېسە دەرھال خېتىنىمۇ، ھەققى — مېھرىنىمۇ بەر، ئۇقتۇڭمۇ؟ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن بويانقارنىڭ ئۈنى چىقماي قالدى، سېرىق بۇرۇتلىرى يېپىپ تۇرغان قېلىن كالپۇكلىرى قىمىرلىغاندەك قىلسىمۇ، ئۈنى چىقمىدى. — ئۇقتۇڭمۇ دەيمەن، جاۋاب بەر! — ئۇقتۇم، — بويانقارنىڭ ئۈنى پىچىرلىغاندەك بوش چىقتى. — ئاڭلاپ تۇر، يەنە سېنىڭ قىلىشىڭغا تېگىشلىك بىر ئىش
بار، ئاشان بۇقا مۇشتۇمنى تەگلىمىدى، يوقىرىدا ئېيتقانلىرىمنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ قازىكالان ئالدىغا بار، جازا ھۆكۈم قىلسۇن. ماق، ئەمدى كەت بەتبەخت!
بىر چېلەك مۇز سۈيىنى بېشىدىن قويۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتكەن بويانقار ئېغىرلىشىپ قالغان پۇتلىرىنى يۆتكىيەلمىدى.
بالام، دېدى يىغلامسىراپ بۈدۈرەچ موماي، ئاتاڭنىڭ دېگەنلىرىنى ئۇنتۇماي بېجىرگىن، گۇناھىنى تونۇغان بەندىنى ئاللا كەچۈرىدۇ. بارغىن بالام، نەپسىڭنى ئىتتەك قىلماي، قەدىمىڭنى ئىتتەك قىل!
بېشى تۆگەمەن تېشىدەك پىرقىراۋاتقان بويانقار لالامىدەك سالپىيىپ تاشقىرىغا چىقتى. ئازادە، چىرايلىق كۆرۈنىدىغان كوچا مەھەللىلەر مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭغا توپا چاڭ باسقاندەك غۇۋا، غەلىتە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇنى غەپلەتتە قويغان كۆڭلىدىكى خوشلۇق كۆتۈرۈلۈپ، ۋۇجۇدىنى غەم بېسىۋالغانىدى. رەيھاندىن ھايات ۋاقتىدىلا كۆزى قىزىرىپ خىيانەت، ئوغرىلىق قىلىشقا تۇتۇنغان بويانقار ھەرقايسى جايلار ھەم بالاساغۇندىكى دۇكان سارايلارنى باشقۇرۇش، سودا سېتىقنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا توپلانغان بايلىقنىڭ مۇنداق ئۇشتۇمتۇت ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى.
نەپسى خاھىشىغا بېرىلگەن ئادەمگە كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ھەممە رەزىللىك، پەسكەشلىكلەر چىرايلىق كۆرۈنۈپ، ماڭغانسېرى پاتقاققا بەكرەك پاتىدۇ، ئۆزىنىڭ ھالاكەت يولىغا ماڭغانلىقىنى تويمۇي قالىدۇ. كۆزلىرى ئالتۇن تىللادا، ناز كەرەشمىدە بولغان بويانقارمۇ خۇددى شۇنداق بولغانىدى.
ئۇ ئېتىنى يورغىلىتىپ كېتىۋېتىپ «بېگىسۇپ بۇ چاغقىچە گېپىمنىلا ئاڭلاپ، ماقۇللاپ كەلگەندى، قانداق بىلىپ قالغاندۇ؟ ئادار ئېيتىپ قويغانمىدۇ يا؟ ئۇنىڭغا زادى بىلدۈرمىگەندىم. سەرەمقەنتكە بارغاندا ئوقۇپ قالغانمىدۇ؟ قايتىپ كەلگەندىن بۇيان
سودا ئىشلىرىنى زىچىرلاپ سورايدىغان بولۇپ قېلىشىدا گەپ بار ئىكەن - دە، ھەي … بىلدۈرمەي تەكشۈرۈپتىكەن - دە. يوغروش باشلىق قىزىغا مەخپىي ئۆيلەنگىنىمنى بىلىپ قالغانمىدۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى، خوتۇنۇم سۆھەيلەنى قېيىنئاتامنىڭ دەۋىتى بىلەن سەمەرقەنتكە تاپشۇرۇپ قويۇپتىكەنمەن …» دەپ ئويلاپ قامچىنى شىلتەتتى. ئۇ ئۆز ئۆيىگە ئەمەس، يوغروش باشى ئىنانچۇبەگنىڭ قورۇسىغا كەلدى. كۈن پاتقانىدى. ئىشىكتە تۇرغان دەرۋازىۋەنگە مۇھىم ئىش بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئۆزىرىگە يەتكۈزۈشنى ئېيتتى. دەرۋازىۋەن كىرىپ كېتىپ شۇ ھامان چىقتى. ئۇنى باشلاپ ئۆزىرىنىڭ مېھمان كۈتىدىغان ئازادە ئۆيىگە ئېلىپ كىردى.
— ئەلەيكۇم ئەسسالام، كىمكىن دېسەم، بايۆچەچە كۈيۆئوغلوم ئىكەنغۇ! — ئىنانچۇبەگ چىراغ يورۇقىدا سەپشىلىپ چۆچۈگەن ھالدا سورىدى، — نېمە بولدىڭىز؟ چىرايىڭىز ئەجەب ئۆزگىرىپ كېتىپتۇغۇ. بۆرە تېگىنگە سىزدىن ئەۋەتكەن خېتىم ئاشكارىلىنىپ قالمىغاندۇ؟
بويانقار تىزلاندى.
— ياق، ئۆزەر ئاتا. بەگىيۈسۈپ مېنىڭ قوزغۇردىكى ئىككى، سەمەرقەنتتە ئىككى قورۇ - جايىم بارلىقىنى، دۆلەتكە باجنى كەم تاپشۇرغىنىمنى بىلىپ قاپتۇ. بۇنى بايا ئاتامدىن ئۇقتۇم.
ئىنانچۇبەگنىڭ كۆلكە كەتمەيدىغان چېھرى تۇتۇلدى.
— يەنە نۇرغۇن مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇۋالغانلىقىڭىزنىمۇ بىلىۋالغانمىدۇ؟
— بىلىۋاپتۇ، ئۆزەر ئاتا.
ئىنانچۇبەگنىڭ قويۇق قاشلىرى تىكەنلەشتى. ئۇ مەيدىسىگە يېيىلىپ تۇرغان ئۇزۇن ساقىلىنى سىيپاپ تۇرۇپ دېدى:
— بويانقار، مەن ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىپ، ئاقىۋەت سىزنى كۈيۆئوغۇللۇققا تاللىغانىدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، مەرھۇم رەيھاندىنبەگنىڭ مال - مۈلكىنى قولۇمغا كەلتۈرۈش ئىدى.
قاقتی - سوقتی قىلىپ كەلگىنىڭىز ئاشكارىلىنىپ قاپتۇ، ئەمدى قوزغوردۇدا تۇرسىڭىز بولمايدۇ، دەرھال سەمەرقەنتكە - قىزىمنىڭ يېنىغا كېتىڭ. بولمىسا بەگىيۈسۈپ شەرىئەت ھۆكمى بويىچە كاللىڭىزنى تېنىڭىزدىن جۇدا قىلدۇرۇۋەتسىمۇ، قولىڭىزنى كېستۈرۈۋەتسىمۇ … شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە يولغا چىقتى.
بويانقار ئىنانچۇبەگنىڭ قورۇسىدىن چىقىپ، ئىككى دىدەك بىلەن سەمەرقەنتكە ماڭغاندا، بالاساغۇن ئاسمىنىنى قارا بۇلۇت قاپلىغانىدى. ئىنانچۇبەگ بويانقارنىڭ كەينىدىن يەنە بىر خىزمەتچىسىنى يولغا سالدى. ئۇنىڭ قويۇن يانچۇقىدىكى خەتتە «قىزىم سۆھەيلە، بويانقار يېتىپ بېرىشى بىلەنلا، بۇ خەت بىلەن ئەۋەتكەن قۇتىدىكى دورىنى شراب بىلەن ئىچۈرۈۋەت، جەسەتنى سىر دەرياسىغا تاشلاتقۇزۇۋېتىپ ئۈزۈك يېنىپ كەل» دەپ يېزىلغانىدى.
2
- بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، پېقىر ھەزرەتلىرىگە مەسلىھەت بەرگۈدەك لاياقەتكە ئىگە ئەمەس مەن، ئەمما زامان شائىرى:
تولا كۆردۈم ياخشى ئاتانغان كىشى - قوشۇلغاچ يامانغا، بۇزۇلدى ئىشى.
يامان ئىش تۈپەيلى تولا ياخشى ئەر، قىلىپ تۆھمەتكە كۆپ، يۈزىن كەتكۈزەر. ①
دېگىنىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىسۇن ئۈچۈن ئالدىلىرىدا ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلدىم، كەچۈرگەيلا.
① «قۇتادغۇ بىلىك» 4244 - ، 4245 - بېيىتلەر.
— توغرائى دىۋان بېشى، ئاتىڭىزغا بەك ئوخشايدىكەنسىز. گەرچە ياش بولسىڭىزمۇ، مەن ئەڭ ئىشىنىدىغان ئوردا ئەمەلدارى سىز. مەسلىھەت بېرىشكە ئۆزىڭىزنى نېمىشقا لاياقەتسىز ھېسابلايسىز؟ سىز مىسال كەلتۈرگەن شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئېيتىدىغان مۇھىم گېپىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟
— بار ئىدى، — دېدى قوللىرىنى كۆكسىگە قويغان يۈسۈپ، — شۇڭا ئالىيلىرىنىڭ پېرمانىنى ئاڭلاپ، باشقا ئەربابلار بىلەن بىللە چىقىپ كەتكەي ھۇزۇرلىرىدا قاپتۇدۇم.
— سۆزلەڭ، قۇلىقىم سىزدە، — سۇلايمان ئارسلانخان كېلىپ تەختىدە ئولتۇردى، — مەنمۇ قېلىپ قالغىنىڭىزدىن زۆرۈر گېپى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغانىدىم. ياش بولسىڭىزمۇ پاراسەتتە ئۈستۈن سىز، قانداق مەسلىھەت بەرسىڭىز بولسا دەۋېرىڭ.
— ئالىيلىرى، بايا يۇغرۇش بېشى ئىنانچۇبەگنىڭ ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق پېرمان چۈشۈردىلا. قاراخانىيلار ئېلىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن بۇ پېرمانىڭىزنى ئەڭ تېز تاپشۇرىدىغان چارىدۇر. ئەمما، بۇ ئۈچ تۈمەن لەشكىرىنى ئىنانچۇبەگ ئەمەس، كۆپ جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن سۇبېشى تۆمۈربۇقا نەسرىدىن ياكى چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل باشلاپ بارسا، ئالىيلىرىنىڭ تىلىپى، ئاۋامنىڭ ئۈمىدى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشاتتى، دېگەن ئىشەنچتە مەن.
— نېمە ئۈچۈن؟
— شۇنىڭ ئۈچۈنكى، — دېدى يۈسۈپ دادىللىق بىلەن، — سۇبېشى تۆمۈربۇقا نەسرىدنبەگ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، باھادىر، تەدبىرلىك سەركەردە. ئۆزنىڭ قىتانلارنى مەغلۇپ قىلىشتا، ئودۇن شاھلىرىنى يوقىتىشتا، سامانىيلار خانلىقىنى ئەل قىلىشتا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى ئەل ئىچىگە تارالغان. چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇلمۇ بۇ ۋاقىتقىچە مەغلۇپ بولمىغان ئالىپ سەركەردە. ئۇ بۆرە تېگىن بىلەن يېقىندىن تونۇشىدۇ. ئەسلىرىدە
بولسا كېرەك، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن، ئېلىمىزگە تەۋە خارەزم دىيارىنىڭ پادىشاھى ئالتۇنتاش بويۇنتاۋلىق بىلەن ماۋەرائۇننەھرگە ھۇجۇم قىلغاندا، بۆرە تېگىننىڭ تەلەپى بويىچە چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇلنى ئىككى تۈمەن لەشكەر بىلەن سەمەرقەنتكە ئەۋەتكەن ئىدىلا.
— ئارى، ئېسىمدە. چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇل زەپەر قۇچۇپ، بۆرە تېگىننىڭ سوۋغا سالاملىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندى.
— مانا شۇنداق قابىل سۇباشلار تۇرغاندا، ئۆمۈردە جەڭگە قاتناشمىغان سىلىق سىپايە بەگنى ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن ئەۋەتمەكچى بولغانلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي قالدىم. خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرگەيلا، ئالىيلىرى.
— توغرا ئېيتتىڭىز، خاتا سۆزلىمىدىڭىز. تۇغرۇلبېگ نەسىردىن، چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇللار جاسارەتلىك، زەپەر قازانغۇچى سانغۇن، بۇ ماڭا مەلۇم. ئۇلارنى ئەمەس، ئىنانچبېگنى ئەۋەتمەكچى بولغىنىمدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ پاراسەتلىك، چارە تەدبىرلىك ئەرباب. سانغۇنلار لەشكەر بىلەن شەھەر ئالسا، ئۇ قىلىچ چاپماي، قان تۆكمەي شەھەر ئالالايدۇ، دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرالايدۇ. ئۆزىمۇ ماڭا «بۆرە تېگىننى ئەمىرلىرىگە بويسۇندۇرىدىغان قىلىمەن» دەپ ۋەدە بەردى. بەگىيۈسۈپ، خاۋاتىرلەنمەڭ، — سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. گەپ قىلماي چىقىپ كەتكەچ بولدى — ياق، قاراخانىيلار ئېلىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىيىتىگە كەلگىنى ئۈچۈن، قەتئىيلىك بىلەن يەكۈن بولۇپ دېدى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، تىلى يۇمشاق كىشىنىڭ دىلى قاتتىق كېلىدۇ، تىلىنى ھەر تەرەپكە يورغىتالايدۇ، ئاسى، مۇناپىقلار ئەنە شۇنداق تىلى يۇمشاق، سىلىق سىپايە ئادەملەردىن چىقىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئاسراش، باشقىلارغا زىيان
يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىلىنى ئىشقا سالىدۇ، پىتنە - پاسات تارقىتىدۇ، ئالدامچىلىق قىلىپ، خاقاننىمۇ، ئاۋامنىمۇ ئورىغا ئىتتىرىدۇ. سۆزۈمنى باشلىغانكىنەمەن، ئاخىرىنىمۇ دەۋەتەي، خاقانىم. تىلى يۇمشاق، يۈرۈش - تۇرۇشى سىلىق ئىنانچۇبەگ بىر بالا تېپىلمىسا ئىدى، دەپ ئەندىشە قىلىمەن. نېمىشقا ئۇنىڭ تەبەسسۇمىغا بىر شوملۇق يوشۇرۇنغاندەك قىلىدۇ، ئالىيلىرى. نادامەتلىك پۇشايمانغا قالماسلىق ئۈچۈن، ئىنانچۇبەگنىڭ ئورنىغا باھادىر سانغۇنلاردىن بىرنى باش قىلىپ، ئاندىن لەشكەرنى يولغا سالغايلا. بۇ بېقىر غۇلاملىرىنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى.
سۇلايمان ئارسلانخان بىر قولى بىلەن چىكىسىنى تارتىپ ئۇزاق ئويلاندى، بېشىنى كۆتۈرۈپ يەكەتەز بولۇپ جاۋاب كۈتۈۋاتقان يۈسۈپكە تىكىلدى:
— توغرائى دىۋان بېشى، مەسلىھەتىڭىز قىممەتلىك بولسىمۇ، گۇماندىن خالىي ئەمەس. سانغۇنلارنى ئەۋەتىشتىن كۆرە، دانىشمەن ۋەزىرىمنى ئاتلاندۇرۇشۇم بەھۇدە قان تۆكۈشنى خالىمىغانلىقىمدىن بولغان. پەرمان چۈشۈرۈپ بولدۇم، ئاتقان ئوقنى قايتۇرۇپ بولماس، بۇ يۈرۈشنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىدىن ئۈمىدۋارمەن. سىز توغرائى دىۋان بېشى بولۇپلا قالماي، بۈگۈندىن باشلاپ ماڭا ئىلىمگا①، دەبىرى بولۇپمۇ خىزمەت قىلىسىز. ئەمدى چىقىپ ئارام ئېلىڭ.
— خوپ، ئالىيلىرى، — يۈسۈپ ئورنىدىن تۇردى.
— ئۆزىڭىزدىن بۆلەك ئىشلىتىدىغان كىشىڭىز بارمۇ؟ ئېيتىڭ، راستچىللارنى ھۆرمەت قىلىمەن.
— ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىشتىن باشقا پىكرىم يوق، ئاقىۋەت خەيرلىك بولغاي، — يۈسۈپ ئەپسۇسلانغان ھالدا مېڭىشقا تەييارلاندى.
① ئىلىمگا — خاقانلارنىڭ يارلىق، مەكتۇپلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازىدىغان كاتىپ.
— توختاڭ، باياتىن سوراش ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپتۇ. سىردەرياسىدىن سۆزلەنگەن جەسەت توغرۇلۇق سىزمۇ ئاڭلىغانسىز. بۇ توغرۇلۇق قوزغوردودا گەپ ئۆسۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، يۇغرۇش باشىدىن ئاڭلاپ مەنمۇ ھەيرەتتە قالدىم. ئۇ «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، دېگەن گەپ بار، بۇنى توغرائى دىۋان باشىدىن ئوقۇشۇپ كۆرگەيلا» دەپ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. سىز قانداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟ بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ، — دېدى سۇلايمان ئارسلانخان.
يۈسۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ دېدى:
— ئاڭلىدىم، ئالىيلىرى، ئۇ مەرھۇم ئاتامنىڭ كۈيئوغلى بويانقار. مەرھۇم ئاتام بۇ كۈيئوغلىنى تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغانىدى، پات - پات سەمەرقەنتكە بېرىپ تۇراتتى. ئۆتكەن قېتىم ئالىيلىرىنىڭ ئەمرى بىلەن سەمەرقەنتكە بارغىنىمدا، بويانقارنىڭ سەمىمگە سېلىپ قويماي ئۆز نامىدا يەنە بىر تىللا سارىيى ئاچقانلىقىنى، ئىككى باغلار قورۇ سېتىۋالغانلىقىنى بىلگەنىدەم. قوزغوردوغا كەلگىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۇيدۇرماي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. نۇرغۇن مال - مۈلۈك، ئالتۇن - جاۋاھىراتقا خىيانەت قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. دەسلەپ بۇنى ئاتىسى ئاشان بۇقاغا ئېيتتىم. ئۇ ئوغلىنى چاقىرتىپ، ھەممە قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سېلىپ، ئۆز قولىنى ئۆزى باغلاپ، ئالدىمغا بېرىشقا بۇيرۇپتۇ. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ بويانقار ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانىكەن. مەنمۇ جەسەتنىڭ سىردەرياسىدىن سۆزلەنگانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئۆكۈندىم. بويانقار بىلەن كىچىكىمدىن بىر قورۇدا ئۆسكەنلىكىم ئۈچۈنمۇ، ئاتامنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، ئىناۋەت قازىنىپ، تىجارەتتە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ، ئۇنىڭ بۇ سىرلىق ئۆلۈمى مېنى ھەسرەتتە قويدى. ئىنساننىڭ ئازمايدىغىنى يوق، ئالىيلىرى، ئۇنى شەخسىيەتچىلىك، ئاچ كۆزلۈك ھاياتىدىن ئايرىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ماقۇل كۆرسىلە،
705
سەمەرقەنتكە بېرىپ، بۇ ئۆلۈمنىڭ سەۋەبىنى بىر ئېنىقلاپ كۆرسەم. ئەسلىدە بۇ ئىلتىماسىمنى ئالىيلىرىغا خەت ئارقىلىق يەتكۈزمەكچىدىم.
— سىز ئوردىدىن ئايرىلسىڭىز بولمايدۇ، بەگىيۈسۈپ، ھەرقايسى جايلاردىن، مەملىكەتلەردىن كېلىدىغان مەلۇماتنامىلەر، خەت چەكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، يارلىق، پېرمانلارنى يېزىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئىنچىكە خىزمەت. سىز بارماڭ، ئىنانچۇبەگكە تاپىلاي، ئۇ بۇ ئۆلۈمنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ كەلسۇن. سىز قۇزغۇردۇدىكى بويانقارنىڭ يېقىن بۇرادىرى — تونۇشلىرىدىن سوراپ ئېنىقلاڭ، بەگىيۈسۈپ.
— خوب ئالىيلىرى، ئىجازەت بەرسىلە.
يۈسۈپ ئوردىدىن چىققاندا كۈن قىيام بولغانىدى. تومۇزنىڭ قايناق ئىسسىقى بالاساغۇننى تونۇردەك قىزىتماقتا ئىدى.
ئىنانچۇبەگ ئۈچ تۈمەن لەشكەر بىلەن سەمەرقەنتكە يۈرۈپ كەتتى.
تىنچ ئۆتۈۋاتقان قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ئارامىنى بۇ يىل قىشتا ئىنانچۇبەگ بويانقاردىن بۆرە تېكىنگە ئەۋەتكەن بىر پارچە خەتنىڭ بۇزۇۋەتكەنلىكىنى بىر خۇدادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. بۇ خەتتە سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ بەش تۈمەن سىپاھ بىلەن يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى، بۆرە تېكىننى تۇتقان كىشىگە بىر تۈمەن تىللا، بېشىنى كېسىپ كەلگەنگە مىڭ تىللا ئىنئام بېرىدىغانلىقى جاكارلانغانلىقى، ئۇنىڭ دەرھال بۇغرا قاراخانغا بەيئەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن لەشكەر بىلەن سەمەرقەنتكە بېرىپ بۆرە تېكىننىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن يېزىلغانىدى. بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان بۆرە تېكىن بويانقارغا ئات مىندۈرۈپ، تون كىيدۈرۈپ، يۈز تىللا ئىنئام قىلدى ۋە دەرھال ئۆزىنىڭ بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى
ئىپادىلەپ ئۆزىنى «تامغاچ بۇغراخان» دەپ جاكارلىدى. بۇ ھىجرىيە 433 - يىلى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 11 - كۈنى① بولۇپ، بالاساغۇننى ئاپپاق قار باسقان قىش مەزگىلى ئىدى. بويانقار تامغاچ بۇغراخان بولغان بۆرە تېكىننىڭ تەختكە ئولتۇرغان كۈنىدىكى تەنتەنىلىك مۇراسىمغا قاتناشقاندىن كېيىن، باش ئەتيازدا بالاساغۇنغا قايتىپ كەلدى ۋە ئاتىسىدىن قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتىن ئىنانچۇبەگنىڭ مەسلىھەتى بىلەن سەمەرقەنتكە قېچىپ كېتىشنى ئەۋزەل كۆردى. ئەمما، ئۇ قېيىنئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئامراق خوتۇنىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە جەسەتنىڭ سىر دەرياسىغا تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
3
بۇ ئىشلار يۈسۈپكە قاراڭغۇ ئىدى. ئۇ دەسلەپ ئادار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ بويانقارنىڭ قىلمىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئۆزەر ئىنانچۇبەگنىڭ تىللا سارىپىغا بىرنەچچە قېتىم كەلگىنىنى، بويانقارنىڭ ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بىر قانچە تىجارەتچىلەرمۇ ئىنانچۇبەگ بىلەن بويانقارنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. يۈسۈپ بۇ مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىزدەپ سوراپ، بويانقارنىڭ بالاساغۇندىكى ئىككىنچى قورۇسىنى تاپتى، قورۇ ئىشىكىگە يۇغان قارا قۇلۇپ سېلىقلىق ئىدى. قولۇم - قوشنىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ، بۇ قورۇدا بويانقارنىڭ خوتۇنى بىلەن تۇرغانلىقىنى بىلدى. ئۇنىڭ بۇ خوتۇنى كىم؟ ئويلا - ئويلا بويانقارنىڭ تۇنجى خوتۇنى بولغان ئاچىسى ئايسىلىكتىن سوراپ كۆرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. لېكىن، نەچچە قېتىم
① مىلادىيە 1042 - يىلى 1 - ئايغا توغرا كېلىدۇ.
ئايسىلىمنىڭ قېشىغا بارماقچى بولۇپ تەمشىلىپ، ئاچىسىنى ئاياپ بارمىدى. ئايسىلىممۇ كېلىپ ئانىسى ياكى ئىنىسىغا بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى. يۈسۈپ بۈگۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئاچىسىنىڭ قورۇسىغا كەلدى. مۇھاپىزەتچى نۆكەر ئاداينى قايتۇرۇۋېتىپ، ئاتنى يېتىلەپ ئىشىكتىن كىردى. ئىككى ئۆسمۈر قىلىچۋازلىق قىلىۋاتاتتى، يۈسۈپنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ كېلىشتى، ئاتنىڭ تىزگىنىنى قوللىرىغا ئېلىشىپ: — بەگ ئاكا، كەلسىلە، — دەپ سالام بېرىشتى. — ئوھۇي، چوپچوڭلا بولۇپ كېتىپسىلەرغۇ، ئاباتلار ئۆيدىمۇ؟ — دېدى يۈسۈپ ئۇلارنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ. — ئاپام ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتىدۇ، — بالىلارنىڭ چوڭراقى جاۋاب بېرىپ، ئىككى قولىنى كاناي قىلىپ، ئاپا! دەپ توۋلىدى. ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىققان ئايسىلىگ: — يۈسۈپ، ئۇكام، — دەپ ھاياجانلانغىنىدىن گەپ قىلالماي قالدى. ئۈست — ئۈستىگە كەلگەن دەرد ئۇنىڭ زىل، ياڭراق ئاۋازىنىمۇ بوغۇۋەتكەنىدى. يۈسۈپ: — ساق تۇرۇۋاتاملا، ئاچا، يېقىندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ ئەھۋال سوراپ كېلەلمىدىم، — دېيىشىگە ئايسىلىگ يىغلاپ كەتتى. ئاتنى ئېغىلغا ئەكىرىپ قويۇپ چىققان بالىلار ئانىسىنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى كۆرۈشۈپ سوراشتى: — ئاپا، نېمە بولدۇڭ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ — ھېچنېمە بولمىدىم، بالىلىرىم، ئۇكامنى سېغىنىپ كېتىپتىكەنمەن، يىغلاپ قالدىم. سىلەر تاماق پىشقىچە باغقا كىرىپ مەشىق قىلىپ تۇرۇڭلار، — دېدى ئايسىلىگ ياشلىرىنى ئېرتىپ. «بالىلار تېخى ئۇقمايدىكەن — دە، ئاچام بىلىپ بوپتۇ…» دەپ ئويلىغان يۈسۈپ ئۇنىڭدىن سۆز كۈتۈپ جىم تۇردى. — ئۇكام، ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى.
ئايسىلىق يۈسۈپنى خانىسىغا ئېلىپ كىرىپ داستىخان سالدى، خىزمەتكار تەخسىدە ئۆگرە چۆپ ئېلىپ كىردى. — ئۇكام، كېلىشلىرىنى بىلەتتىم، كۈتكەندىم. بويانقارنىڭ ئۆلۈمى مېنى قاتتىق ئازابلاۋاتىدۇ، تېخى بالىلىرىمغا ئېيتمىدىم، — ئايسىلىق يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئۇنى جۈرئەتلىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان سەمىمىي ئادەم، دەپ ياخشى كۆرەتتىم، ئانداق بولماي چىقتى. ئۇ پۇل تېپىشقا، قىز - چوكانلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە جۈرئەتلىك ئىكەن، ئۇكام، ھەتتا دېدەكلەرمۇ كۆن بەرمىدى. ئەسىر چۈشۈپ سېتىلغان پەرىق قىزلاردىن ئىككىنى ئېلىپ چۆرە خوتۇن قىلىپ بېرى، دەپ ئۆيلىنىۋالدى. — كىمنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگىنىنى بىلدىڭىزمۇ، ئاچا؟ — بىلدىم، ئالتە ئايدىن كېيىن بىلدىم. ئىككى كۈن ئۆيگە كەلسە، ئۈچ كۈن يوقىلىپ كېتىدىغان بولدى، ئاخىرى بىر قورۇغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ تۇردۇم. — كىمنىڭ قورۇسى ئىكەن؟ — مەھەللىمىزدىكى ئۇيغۇرۇي كىرىپ پال سالىدىغان داخان ئايال گۈلبانۇغا ئون تىللا بېرىپ، ئۇ قورۇدا كىم تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىم. — بىلىپ كەپتىمۇ، ئاچا؟ — بىلىپ كەپتۇ، ئۇكام، ئۇ قورۇدا بويانقارنىڭ خوتۇنى سۆھەيلەبىكە تۇرىدىكەن. — كىمنىڭ قىزى ئىكەن؟ — يوغۇرۇش بېشى ئىنانچۇبەگنىڭ قىزى ئىكەن، ئۇنى بىرنەچچە ئايدىن كېيىن سەمەرقەنتكە ئېلىپ كېتىپتىكەن. — ئەمدى بىلدىم، بويانقارنى باشقا بىرسى ئەمەس، ئىنانچۇبەگ ئۆزى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. — نېمىشقا كۈيۆئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ؟ — ئايسىلىقنىڭ ئەگىم قاشلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، چىرايلىق
چېھرىدە ھەيران قېلىش ئالامەتلىرى پەيدا بولدى. — گەپ مانا شۇنىڭدا، ئاچا، بەلكىم قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر، بونى بۇغرا قاراخانغا يەتكۈزۈشۈم كېرەك. مەن كېلىپ تۇرىمەن ئاچا، تولا ھەسرەت چېكىپ كۆزلىرىنى يوقىتىپ قويمىسىلا، سالامەتلىكلىرىنى ئاسرىسىلا، تەقدىرنىڭ بۇ قىسمىتى ھېكمەتسىز ئەمەس، — دېدى يۈسۈپ خوشلىشىپ. ئۇ ئوردىغا كەلگەندە،، سۇلايمان ئارسلانخان ھېچيەردىن چىقمىغانىدى. ئۇ توغرائى دىۋانخانىغا كىرىپ، جايلاردىن كەلگەن مەلۇماتنامىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىرىشتى. بىر سائەت چامىسىدا مەلۇماتنامىلەرنى كۆرۈپ، ئۆتەلگەن باج - سېلىق، تارتۇقلارنى تىزىملىدى. پەقەت ماۋەرائۇننەھر ۋە خارازىم دىيارىدىن مەلۇماتنامىلەر كەلمىگەندى. يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ دىۋانخانىغا چىقتى، بۇغرا قاراخاننىڭ سارايىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، يېقىندىن تەيىنلەنگەن ئىشىكئاغىسى قولۇنبەگ يېنىغا كەلدى. — خاقاننىڭ قېشىدا ئادەم يوقمۇ؟ يېقىننى ھوزۇرى ئالىيلىرىغا كىرىشكە ئىجازەت سورىۋاتىدۇ، دەپ قويسىڭىز، جاناپلىرى. — ئوبدان، توغرائى دىۋان باشى، — ئىشىكئاغىسى كىرىپ كېتىپ ھايال بولماي چىقتى. — مەرھەمەت. يۈسۈپ كۈمۈشتىن قىلىنغان بوسۇغىدىن ئاتلاپ، قىپقىزىل گىلەم سېلىنغان سارايغا كىرگەندە، تەختتە يانتىپ ئولتۇرغان سۇلايمان ئارسلانخان سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلدى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىيلىرى! قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئالغىنىمنى كەچۈرگەيلا. مەن بويانقارنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى يوغروش باشى ئىنانچۇبەگ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەلدىم.
— نېمە دېدىڭىز بەگىيۈسۈپ؟ يۈسۈپ سۆزىنى تەكرارلىدى. — بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟ — ئىگىچەمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا، بويانقار ئىنانچۇبەگنىڭ سۆھەيلە ئىسىملىك قىزىنى ئەمرىگە ئالغانىكەن. — بويانقارنى ئىنانچۇبەگنىڭ كۈيۆئوغلى دېمەكچىمۇسىز؟ — شۇنداق، ئالىيلىرى. بويانقار سۆھەيلەگە ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئۈستىلەپ خوتۇن ئالغىنىنى بىزگىلا ئەمەس، ئاتا ئانىسىغىمۇ بىلدۈرمىگەن. سەمەرقەنتتىن قورۇ جاي سېتىۋېلىپ، خوتۇننى سەمەرقەنتكە ئېلىپ كەتكەن. — مۇنداق دەڭ، بەگىيۈسۈپ، ئەجەب ئىش ھە! شەرىئەت ھۆكمى بويىچە شارائىتى يار بەرگەن ئادەمنىڭ ئاشكارا تۆت خوتۇننى نىكاھلاپ ئېلىشىغا بولىدۇغۇ. يوشۇرۇن توي قىلىپ، ئۇنى سەمەرقەنتكە ئېلىپ كېتىشىدە بىرەر سەۋەبنىڭ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ مېنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدىڭىز، توغرائى دىۋان بېشى. بۇ ئۆلۈم بىلەن ئىنانچۇبەگنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ دەرھال ئېنىقلاش زۆرۈر، — دېدى سۇلايمان ئارسلانخان ئورنىدىن تۇرۇپ. — بۇنى يۇغرۇش باشلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئېنىقلاپ كۆرسەك بولارمىكىن؟ — ئېھتىيات بىلەن سورىدى يۈسۈپ. سۇلايمان ئارسلانخان مۈرىسىنى بىرەي باسقاندەك ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنى بىرىسى ئەمەس، غەم باسقانىدى. ئۇ قولى بىلەن يۈسۈپنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ، ئۆزى كۆرسىتىپ جاي ئالغاندىن كېيىن، يەنە ئورنىدىن تۇردى: — ئەمدى قاراپ تۇرالمايمەن. يۇغرۇش باشلىق قورۇسىغا دەرھال ياساۋۇل ئەۋەتىكۆزۈڭ، ئىنانچۇبەگنىڭ خوتۇنلىرى، بالىچاقىلىرىنى ئالدىمغا ھازىر قىلسۇن! — خوپ ئالىيلىرى، — يۈسۈپ ئېتتەك تۇرۇپ سارايدىن چىقتى. ئوردا ئەمرىگە ئېيتىپ، ئىنانچۇبەگنىڭ ئۆيىگە
ياساۋۇللارنى ئەۋەتكۈزدى. ئۇلار ئۇزاق ھايال بولماي قايتىپ كېلىشتى.
— يوغروش باشىنىڭ قورۇسى ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىقلىق ئىكەن. ھەقەمسىيلەردىن سورىساق، «ئىككى ھەپتىدىن بېرى قۇلۇپلاقلىق، بىر كىمنىڭ كىرىپ - چىققانلىقىنى كۆرمىدۇق» دېيىشتى، قۇرۇق قول قايتىپ كەلدۇق.
يۈسۈپ ياساۋۇل باشلىقنىڭ سۆزىنى سۇلايمان ئارسلانخانغا يەتكۈزدى.
— يوغروش باشى بالىچاقىلىرىنى مەخپىيلىك ئېلىپ كېتىپتۇ، ئالىيلىرى.
سۇلايمان ئارسلانخان چۆچۈپ تەختتىن چۈشتى:
— ئىنانچۇبەگنى ئاسىيلىق يولىغا ماڭغان دېمەكچىمۇسىز، بەگ يۈسۈپ؟
— ئالىيلىرى، ئەگەر ئۇنىڭدا ئاشۇنداق قارا نىيەت بولمىسا، بالىچاقىلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەس ئىدى.
— مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن، توغرائى دىۋان باشى، — سۇلايمان ئارسلانخان قول باغلاپ تۇرغان يۈسۈپنىڭ يېنىغا كەلدى، — ئىنانچۇبەگ ئۇيغۇر نەسلىدىن، قاراخانىيلار جەمەتىگە سادىق، بۇنداق تۇزكورلۇقنى قىلمايدۇ. ئالدى - كەينىنى ئويلاپ ئىش كۆرىدىغان بۇ دانا يوغروش باشىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن؟ ياق، ياق، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن!
— بەندە ئاللاغىلا ئىشىنىشى كېرەك، ئارتۇقچە ئىشىنىپ كېتىش بەزى ھاللاردا كىشىنى غەپلەتتە قالدۇرىدۇ، ئالىيلىرى. بىز سەمەرقەنتكە چاپارمان ئەۋەتەيلى، ئۇقۇپ كەلسۇن.
— سەن ئاسىيلىق قىلدىڭمۇ؟ دەپ سوراش ئۈچۈن چاپارمان ئەۋەتەمدۇق؟ — دېدى بېشى قاتقان سۇلايمان ئارسلانخان. لېكىن، ئۇ يۈسۈپنىڭ سۆزىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز ئىدى.
— ئالىيلىرى، ئانداق بولسا كۈتەيلى، چوقۇم پات ئارىدا خەۋەر كېلىدۇ.
زېھنى چېچىلغان، گۇمانى كۈچەيگەن سۇلايمان ئارسلانخان گەپ قىلماي، سارايدىن چىقىپ كەتتى.
«ئەھۋال روشەن بولدى، ئىنانچۇبەگ بۇغرا قاراحاندىن يۈز ئۆرۈپتۇ…» دەپ ئويلاپ ئوردىدىن چىققان يۈسۈپ تەقەززالىق ئىلكىدە تۆت كۆزى بىلەن خەۋەر كۈتۈشكە باشلىدى. ئۇ ئىنانچۇبەگنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىنى ھەرگىز خالىمايتتى، ئەمما يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ئاسىيلىقتىن بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. ئاقىبەت بۆرە تېگىندىن كەلگەن مەكتۇپ ۋە «سوۋغا» ئىنانچۇبەگنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىدى. يۈسۈپ مەكتۇپ بىلەن «سوۋغا» يۆگەلگەن بوپچىنى كۆتۈرۈپ، ئون بەش كۈندىن بېرى سارايغا چىقماي، ھەرەمدىكى ئارامگاھىدا ئىچى تىت - تىت بولۇپ، ئاغرىپ يېتىپ قالغان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ يېنىغا كىردى.
— بۆرە تېگىندىن مەكتۇپ ۋە «سوۋغا» كەلدى، ئالىيلىرى.
— مەكتۇپ كەلدىمۇ؟ — غەم بېسىپ ياتقان بۇغرا قاراخان ئېتەك بېشىنى كۆتۈرۈپ رۇسلىنىپ ئولتۇردى. كۆزلىرى ئۆلتۈرۈشۈپ ياداپ قالغانىدى.
— ئوقۇڭ، توغرائى دىۋان بېشى.
يۈسۈپ يېقىندازغا يۆكىنىپ مەكتۇپنى ئېچىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. سۇلايمان ئارسلانخان ئاغا، ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن. مەلۇم بولسۇنكى، مېنى كۆزدىن يوقىتىش قارارىڭىزنى يۇغۇرۇش باشلىنىش ئىنانچۇبەگ مەكتۇپ ئارقىلىق ماڭا بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇغرا قاراخان بولغان سىزگە بەيئەت قىلمايدىغانلىقىمنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدۇم، ئىنانچۇبەگمو ئۈچ تۈمەن سىپاھ بىلەن كېلىپ ماڭا ئەل بولدى. يېقىن ئېنىڭىز بىلەن تۇغقانلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاي دېسىڭىز، شەرقىي ئۆلكىلەرگە بۇغرا قاراخان بولۇپ تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا، تەقدىرگە تەن بەرمەي لەشكەر تارتىپ باستۇرۇپ كەلسىڭىز،
ئىز، قىلىچ بىلەن قارشى ئالىمەن، بېشىڭىز تېنىڭىزدىن جۇدا قىلىنىدۇ. يەنە شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، مەن ئاسىي - مۇناپىقلارنىڭ پادىشاھقا، ئەلگە ھېچقاچان ۋاپا قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. سىزگە ئاسىلىق قىلغان ئىنانچوبەگ ماڭا ۋاپا قىلارمۇ؟ ئۆز كۆيۈتۈڭنى ئۆلتۈرگەن مۇناپىق ماڭا قەدر كۆرسىتەمدۇ قالارمۇ؟ ئۇ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن خارەزمىنىڭ شاھلىقىنى سورىغانىدى، ساڭا ئەجەلنى بۇغرا قاراخان ئاغام بەرسۇن دەپ ئالدىڭىزغا ئەۋەتتىم. ئېرىگە زەھەر بەرگەن قىزى بولسا سىر دەرياسىغا ماكانلاشتى. گەپ تامام، ۋەسسالام.
ھىجرىيە 433 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 17 - كۈنى① غەربىي قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تامغاچ بۇغراخانى: ئىبراھىم ئارسلانخان بۆرە تېكىن.»
سۇلايمان ئارسلانخان چېكىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ كەتتى، لەۋلىرى قىمىرلىسىمۇ ئۈنى چىقمىدى، غەمكىن چىرايى بۇلۇتتەك تۇتۇلدى. «ئادەرىخ، ئادەرىخ! قوينىغا پىچاق يوشۇرغان مەلوننى تونۇيالماي قاپتىمەن، ئېسىت - ئېسىت … ئۇنىڭ شېرىن سۆزلىرى مېنى غەپلەتتە قويۇپتۇ، دەردىخا …»
ئۇ ئورنىدىن شۇنداق تېز قوپتىكى، گەۋدىسىنى تۇتالماي يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدى، يۈسۈپ يۆلىۋالدى.
— سۇباشلارغا يارلىقىمنى يەتكۈزۈڭ، ئۈچ كۈن ئىچىدە بەش تۈمەن لەشكەرنى سەپەرۋەر قىلسۇن، ئاتلىنىمەن! ئىنىم مۇھەممەد ئارسلانخانغا مېنىڭ نامىمدىن ئۈچ تۈمەن لەشكەرنى ئېلىپ سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا يارلىق ئەۋەتىڭ، ئۇنىڭ بىلەن سىر دەرياسى بويىدا ئۇچرىشىمەن، — دېدى سۇلايمان ئارسلانخان غەزەپ بىلەن.
يۈسۈپ تىزلىنىپ:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، غەزىپىڭىزنى بېسىپ
① مىلادىيە 1042 - يىلى 7 - ئايغا توغرا كېلىدۇ.
ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالسلا. بۆرە تېكىننىڭ مەكتۇپىنى ئاچلىدۇلا. ئۇ ھازىر تولۇق تەييارلىق بىلەن سىلىنىڭ باستۇرۇپ كېلىشلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. لەشكەر تارتىپ بارسىلىرى زەربىگە ئۇچرايدىلا، سىر دەرياسى قانغا بويىلىدۇ، ئەمما مەسىلە ھەل بولمايدۇ. مابادا مەغلۇپ بولساق تاجۇتەخت قولدىن كېتىدۇ، ئەل قانغا غەرق بولىدۇ، ئوبدان ئويلىنىپ باقسىلا، خاقانىم.
— سىزنىڭچە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ — سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپ قالغان ساقىلىنى سىقىملىدى — دە، تەكچىدە يالتىراپ تۇرغان تاجىغا قاراپ قويدى.
— سەگەك بولۇپ، بۆرە تېكىننىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك، ئالىيلىرى. ئۇ قولىغا قىلىچ ئالسا، بىزمۇ ئېلىشىمىز، ئۇ جىم تۇرسا بىزمۇ جىم تۇرۇشىمىز كېرەك. ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قىلغان پۇشايمان باشقا چوماق بولىدۇ. پۇشايمان قىلىش ئورنىغا سەۋر قىلىشىمىز، پېيت كۈتۈشىمىز لازىم.
نادامەتلىك پۇشايمان يۈرىكىنى زەرداب قىلىۋەتكەن سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپكە قاراپ كېتىپ، ئۇنىڭ يەلكىسىدىن قاماللاپ قۇچاقلىدى.
— ئاسىم — مۇناپىقنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپ كەچۈرگۈسىز خاتالىق قىلدىم، سىزگىمۇ ئازار بەردىم، ئىنىم.
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، دۇنيادا يېڭىلىشمەيدىغان ئادەم يوق. ئەتەدىن باشلاپ قاراخان سارىيىغا چىققايلار، — ئورنىدىن تۇرغان يۈسۈپ بوپىنى ئېلىپ ماڭماقچى بولدى.
سۇلايمان ئارسلانخان ئۇنى توختىتىپ بوپىنى كۆرسەتتى:
— ئېچىڭ، بەگىيۈسۈپ، كۆرۈپ باقاي.
— كۆرمىسىلە بولاتتى، خاقانىم، خەيرىيەت … — يۈسۈپ بوپىنى ئاچتى.
ئىشەنچۈبەگنىڭ بەدىنى كېلىپ تۇرغان بېشىنى كۆرگەن بۇغرا قاراخان سەسكىنىپ كەتتى. ئۇ مەلئۇننىڭ چېھرى قارىداپ، چاچ — ساقاللىرىدا قان ئۇيۇپ قالغانىدى.
يىگىرمە ئالتىنچى باب: ئابىنچۇ خاتۇننىڭ قەستى
1
كېچىچە ياغقان يامغۇر تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا توختىدى. بالاساغۇن ئاسمىنىدا ھەسەن - ھۈسەن پارلىدى. سۇلايمان ئارسلانخان بامدات نامىزىنى ئۆتەپلا بۇغرا قاراخان سارىيىغا چىقىپ تەختتە ئولتۇردى. پەردىلىرى قايرىپ قويۇلغان دېرىزىدىن رەڭگارەڭ چاقناپ تۇرغان ھەسەن - ھۈسەن ئۆيگە سەپ سالدى. «ئوردىكەنتكە كېتىشىم كېرەك، شۇنداق قىلسام بۆرە تېگىنمۇ، مەنمۇ ئېمىن تاپىمەن، ئېلىمۇ تەسكىن تاپىدۇ، جەڭنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ…» شۇ ئوي بىلەن نەزىرىنى ئۆز مەرتىۋىلىرى بويىچە كۆرسىلاردا ئولتۇرۇشقان دۆلەت ئەربابلىرىغا يۆتكىدى:
— جانابلار، ئىبراھىم تامغاچ بۇغراخاننىڭ سەمەرقەنتنى ئاستانە قىلىپ، قاراخانىيلار ئېلىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىغا بىر نەچچە ئاي بولدى. ئېلىمىزدە چوڭ ئۇرۇش باشلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سەمەرقەنتكە لەشكەر تارتىپ بارمىدىم، ئاۋام تىنچ - ئامان ياشاۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىز كۆرۈنۈشتە ئىككىگە ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تاغ - دەريالىرى، يەر - زېمىنلىرى تۇتاش، يىلتىزىمىز بىر، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئۇلۇغ ئېلىمىزنى يەنە بىرلىككە كەلتۈرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن چىدام بىلەن كۆتۈشۈمىزگە توغرا كېلىدۇ، سەۋر - تاقەتلىك بولۇشۇڭلارنى، پۈتۈن كۈچ، ئەقىل - پاراسەتلىك بىلەن جەڭگە ئەمەس، ئېلىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە
ئاتلىنىشلارغا ئىشەنچ بىلدۈرۈپ، بۇ تايانچۇلار كېڭىشىنى چاقىرىشنى زۆرۈر تاپتىم. بۇ كېڭەشتە ئوردۇكەنتنى ئاستانە قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىمىز. قېنى، پىكىر بايان قىلىڭلار.
— ئوردۇكەنتنى ئاستانە قىلىش دېگەن سۆز، بۆرە تېگىدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىش دېگەن سۆز.
— ئۇنداق ئەمەس، سانغۇن جانابلىرى. ئوردۇكەنتنى ئاستانە قىلىپ يۆتكىلىش، كۈچ — قۇدرىتىمىزنى ئاشۇرۇش، شارائىتنى پىشۇرۇپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
— ئىشىكئاغىسىنىڭ بۇ پىكىرى ئورۇنلۇق.
— سانغۇننىڭ دېگىنىمۇ خاتائەمەس.
— يىقىر يۇغرۇش بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇغرا قاراخاننىڭ ئوردۇكەنتنى ئاستانە قىلىپ يۆتكىلىش قارارىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن.
— بۇغرا قاراخان ئوردۇكەنتكە كەتسە، قۇزئوردۇنى دۈشمەنگە تاشلاپ بەرگەنلىك بولمامدۇ؟
— ئالىيلىرى، جانابلار، ئىلگىرى خانلىقنىڭ يۈرىكى بولغان قۇزئوردۇ شەرقىي قاراخانىيلار ئېلىگە نىسبەتەن چەتتىرەك بولۇپ قالدى، ئوردۇكەنت بولسا تازا ئوتتۇرىدا. بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، ئاستانىنى يۆتكەش پايدىلىق، بۇ ئاقىلانە قارار.
يۈسۈپنىڭ بۇ پىكىرى ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالغان يۇغرۇش، سانغۇنلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. بۇ كېڭەشكە تالاستىن كەلگەن مۇھەممەد ئارسلانخان ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئاتىسىغا قاراپ ئۈن چىقماي ئولتۇرغان ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ ئوردۇكەنتنى ئاستانە قىلىشقا قوشۇلغۇسى بار ئىدى. بۇنى پەيغاندىن كەلگەن مەھمۇد ئارسلانخان بىلەن قەشقەردىن كەلگەن ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان قىزغىن قوللىدى. ئاخىرىدا ھەممىلەن ئوردۇكەنتنى ئاستانە قىلىپ، شۇ يەرگە يۆتكىلىشكە قوشۇلدى.
— جانابلار، ھەممىڭلارنىڭ پىكىرىدە ياخشى تىلەك بار،
كۆڭلۈڭلارنى چۈشەندىم، ئەمدى يارلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. زۇلھەججىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى، ئىسمى ئېلان قىلىنغان ئارسلانخان، ئېلىكخانلار، سۇباشى، سانغۇنلار، يابغۇ، چاغرىبەگ، تارتانبەگلەر يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلغايسىلەر!
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ بۇ يارلىقى — غەربىي قاراخانىيلار ئېلىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىناتتى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇغرا قاراخاننىڭ يارلىقىنى بېجا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يۈسۈپ تىزىملىككە قاراپ بىر يۈز ئون بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇدى. ياشىنىپ قالغان، سالامەتلىكى ناچار، ئىقتىدارسىز ئوردا ئەربابلىرى بالاساغۇندا قالدۇرۇلدى. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان بالاساغۇندا ئېلىكخان بولۇپ قالدى.
يۈسۈپ ئانىسى، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلدى. ئۇلارغا قوشۇلۇپ يەنە چوڭ ئاچىسى ئايتولۇن ئېرى ئۆدمىش بىلەن، ئايسىلىق بالىلىرى بىلەن كېلىشكەنىدى. ئۇلار دەسلەپ بەگتاش جالالدىن ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئوردا ئالدىدىكى قەدىمكى جايغا چۈشكەنىدى، كېيىن يۈسۈپ بولاقبېشى مەھەللىسىدىن مىڭ تىللاغا بىر قورۇ سېتىۋالدى. بەگتاش جالالدىن قەدىمكى جايدا ئولتۇرۇۋەردى. يېڭى سېتىۋالغان قورۇنىڭ ئىچكىرى ھويلىسىغا يابىرا، ئايسىلىق دېدەكلىرى بىلەن، تاشقىرىدىكى ھويلىسىغا يۈسۈپ خوتۇن-بالىلىرى، خىزمەتچىلىرى بىلەن ئورۇنلاشتى. پەتگە كەلگەن توغقانلارنىڭ بىر ھەپتىگىچە ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بەگتاش جالالدىننىڭ قىزى دىلداربىكەمۇ كېلىپ مېھمانلارنى كۈتۈشكە ياردەملەشتى، ئۇ ئاقبىرا بىلەن ئوبدانلا ھال-مۇڭ بولۇپ قالدى. ئۇ ئاقبىرانى كۆرگەندىلا «راست، تەڭدىشى يوق ساھىبجامال، خۇش پېئىل، مۇلايىم ئىكەن، يۈسۈپ مېنىڭ مۇھەببىتىمنى شۇڭا قوبۇل قىلماپتىكەن، جورئىتىم بولغان بىلەن ئۇنىڭچىلىك نازاكىتىم يوق…» دەپ ئويلىدى.
دىلداربىكە يۈسۈپلەر قەشقەرگە كېلىپ قەدىمكى جايدا تۇرغاندىمۇ، يېڭى قورۇغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، تونۇشلۇق بەرمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى يېپىپ تۇرغان قارا چۈمبەلنى ئېلىۋەتمىدى، ئاياللار بىلەن خالى قالغاندا ئېلىۋېتەتتى، يۈسۈپ كىرسە يۈزىگە تارتىۋېلىپ چىرايىنى كۆرسەتمەيتتى. ئاقىبەت ئۇنى ياق تۇرۇپ قالدى.
دىلداربىكە يابراننىڭ يۈرەك كېسىلى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تېپىپلىق سېزىمى بىلەن ھېس قىلىپ، تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىۋېدى، سوقۇشى ئېگىز - پەس، ئاجىز ئىكەنلىكى ئايان بولۇپ، جىددىي داۋالىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى بىلىندى. ئۆزى ئۆيىگە بېرىپ دورا ئېلىپ كېلىپ يابرانغا ئىچۈردى. بىرەر سائەتلەردىن كېيىن، يابراننىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشى تەڭشىلىشىپ، روھى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن يۈسۈپ ناھايىتى خوش بولدى. ئۇ پات - پاتلا، قەشقەرگە بىرىنچى قېتىم كەلگىنى، ئاياغ ئاستىغا تاشلانغان ياغلىق، دىلداربىكەنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلغانلىقىنى ئەسلەپ «تۇرمۇشلۇق بولغانمىدۇ؟ ئىبادەتلىك، پەزىلەتلىك قىز ئىدى…» دەپ ئويلاپ قالاتتى.
دىلداربىكە تۇرمۇشلۇق بولمىغانىدى. ئۇ يۈسۈپنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولالمىغاندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت ئەرگە تەگمەي، تېۋىپ بولۇشقا بەل باغلىغانىدى. ئۇستازى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپتىن تېبابەت ئىلمىنى ئۆگىنىپ، ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنانىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ، قەشقەردىكى بىردىنبىر ئايال تېۋىپ بولۇپ قالغانىدى. دورىنى ئۆزى ياساپ، ھەر كۈنى ئونلىغان كېسەللەرنى داۋالايتتى. ئۇنىڭ «ئەمچى دىلداربىكە» دېگەن نامى ئەل ئىچىگە تارالغانىدى. يۈسۈپنىڭ نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكۈسى كېلەتتى. دىلداربىكە ئۆزىنى كۆرسەتمىگەچكە، گەپلىشىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتاتتى. يۈسۈپنىڭ سەكسەن ياشقا كىرىپ قالغان قىزى بۇۋىئايىشە
دىلداربەككە ئامراق بولۇپ قالغانىدى.
— ئاچا، مەنمۇ سىزدەك ئەلچى بولۇپ كېسەل داۋالىسام دەيمەن، شاگىرتلىققا قوبۇل قىلامسىز؟ — دەپ ھەممىيلەننى زوقلاندۇراتتى. ئۇ ناھايىتى ئەركە، شوخ چوك بولۇۋاتاتتى، ئوقۇش ئېلىشنى ئۆگىنىۋالغاش، شىكار خەتچىنى تولا قىلاتتى…
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئارزۇسى بويىچە بولغاندا، يۈسۈپنى يۇغرۇش بېشى قىلماقچىدى. ئەمما، بۇ چاغقىچە ئېقىۋاتقان قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ نىزامى بويىچە، قىرىق ياشقا توشمىغان ھەرقانداق ئىقتىدارلىق دانىشمەن كىشى يۇغرۇش بېشى بولالمايتتى. شۇ تۈپەيلى ئۇ توغرائى دىۋان بېشى، ئېلىمگا، دەبىرى بولۇپ قىلىۋەردى. ئەمما، ئۇ يۇغرۇش بېشىدىنمۇ كۆپرەك خاقاننىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.
قىش ئۆتۈپ كۆكلەم كېلىش بىلەن تەڭ، سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپنى غەزنەۋىلەر ئېلىگە ئەۋەتتى. يۈسۈپنىڭ بۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىشى ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىنى كۆرگىلى كەلگەن زۆھرەبەككە ھەمراھ بولۇپ يولغا چىقتى.
سۇلتان مەسئۇدخان ھايات چېغىدا، ئۇنىڭ ئوغلى شاھزادە مەۋدۇدقا ياتلىق قىلىنغان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ بۇ قىزى غەزنەۋىلەر بىلەن شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ دوستلۇق رىشتىنى باغلاپ تۇرغۇچى ئىدى. زۆھرەبەكنىڭ يېڭى تويى بولغاندا، جەڭ قىلغۇچى ئۈچ يۈز پىل، ئون بەش تۈمەن ئاتلىق لەشكىرى بولغان غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى تازا كۆچەيگەنىدى. تەخت ۋارىسى بولغان ئاكىسى شاھزادە مۇھەممەدنى كور قىلىپ ئۆلتۈرۈپ ئۆزى تەختنى ئىگىلىۋالغان مەسئۇد ئاتىسى سۇلتان مەھمۇدخانىدەك ئۇزاق دەۋران سۈرەلمىدى. ئوغلى شاھزادە مەۋدۇدنى ئۆيلەپ بىرنەچچە يىل ئۆتمەي، ھىندىستاندا ئىگىلىگەن يەرلىرىنى تاش قويۇشىدەك يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سەلجۇقىيلار سۇلتانى توغرۇلبەگ بېسىۋالدى، ئارقىدىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەلۋەك
خۇراسان دىيارىنىمۇ ئۇنىڭغا تارتىقۇزۇپ قويدى. شىددەتلىك جەڭدە كۆزىگە نەيزە سانجىلدى، «ئاكا، مېنى كەچۈرگىن … مېنى كەچۈرگىن …» دەپ ئىككى تەرەپكە تاشلىنىپ، قوللىرى بىلەن يۈز - كۆزىنى تۇتۇپ جان ئۈزدى. بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان شاھزادە مەھمۇد قورقۇمسىز، قەيسەر ئاتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق پۇشايمان بىلەن داغى ھەسرەتتە ئۆلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى كېيىن ۋەزىرىدىن ئۇقۇپ قاتتىق ئۆكۈندى. «ئاتامنى قىساس تۇتۇپتۇ، مەن ئۇنىڭدەك نىيىتىمنى بۇزمايمەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن ياخشى ئۆتىمەن، شەرقىي قاراخانىيلار بىلەن بىرلىشىپ قولدىن كەتكەن ۋەەتەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋالىمەن» دەپ ئەھدە قىلدى، خوتۇننى قايتا پايتەخت بولغان ئوردۇكەنتكە ئۇزاتتى.
مەلىكە زۆھرەدىن ئەھۋالنى ئۇققان ئاتا كۈيۆئوغلىغا شاھانە تون، ئالتۇن تاج ۋە نۇرغۇن سوۋغا - سالاملارنى يۈسۈپتىن ئەۋەتتى. قايتىشدا سەمەرقەنتكە چۈشۈپ، تامغاچ بۇغراخان بۆرە تېكىن بىلەن سۆھبەتلىشىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭغا، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەۋەررۈك شاھانە تونىنى، مىڭ تاي تەللا كىمخاب، تاۋار - دۇردۇن بىلەن قوشۇپ سوۋغا قىلىپ يوللىدى …
يۈسۈپ ئۆجمە پىششىقىدا قايتىپ كەلدى.
— كۈيۆئوغلىڭىزنىڭ روھىي كەيپىياتى قانداقراق ئىكەن؟ — سورىدى ئۇنىڭ كېلىشىگە تەقەززا بولغان سۇلايمان ئارسلانخان يازلىق سارايىنىڭ كۆل بويىدىكى سۇپىسىدا بىر ئۆزى كۈتۈۋېلىپ، — ئولتۇرۇڭ، ئولتۇرۇپ سۆزلەڭ.
— بىز بارغاندىن كېيىن روھى كۆتۈرۈلدى، ئالىيلىرى، — دېدى يۈسۈپ مامۇق كۆرپىگە يېپىلغان بۆرە تېرىسىدە ئولتۇرۇپ، — خۇراسان قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالغانىكەن. ئالىيلىرىنىڭ بىز ھەرقاچان غەزىنەڭلەر تەرەپتە تۇرىمىز، دېگەن سۆزلىرىنى ۋە سوۋغا -
سالاملارنى يەتكۈزگىنىمدىن كېيىن روھلىنىپ قالدى. كۈيۈمچانلىق سۈپىتىم بىلەنلا ئەمەس، غەزنەۋىيلەرنىڭ سۇلتانى بولۇشۇم سالاھىيىتىمدىنمۇ ھەرقاچان بۇغرا قاراخان ئالىملىرىنىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دەپ ھەزرەتلىرىگە ئالتۇن ساپلىق قىلىچنى ساداقەتنىڭ نىشانىسى قىلىپ ئەۋەتتى، — ئۇ قىلىچنى غىلاپى بىلەن ئىككى قوللاپ ئۇزارتتى. قىلىچ ھەقىقەتەن ياخشى سوقۇلغانىدى، سېپىگە نەقىش چېكىلگەنىدى. مىستىن نەپىس ياسالغان چىرايلىق غىلاپمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. سۇلايمان ئارسلانخان مەھسۇتنىڭ تەرزىدە قىلىچنى قويۇپ قويدى، خاپىلىق قاپلىغان چىرايى سورۇنلاشتى.
— مەن كۈيۈمچانلىق ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەۋەتكەن بۇ سوۋغىسىدىن خوش بولمىدىم، بەگىيۈسۈپ، ئۇ نېمىشقا كۆچى يەتكەن سەلجۇقىيلار بىلەن قېرىشىدۇ؟
— بۇنىڭدا تارىخىي سەۋەب بار، ئالىيلىرى.
— سەۋەب، قانداق سەۋەب بار؟
— ئالىيلىرى، تارىخىي سەۋەب بار دېيىشىمدە، سەلجۇقىيلار بىلەن غەزنىۋىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق ئاداۋەتنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن، — دېدى يۈسۈپ سۆز باشلاپ، — مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوغۇزلارنىڭ يابغۇسى بولغان دەقاقخاننىڭ ئوغلى سەلجۇقبەگ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، سىر دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى جەندە شەھىرىگە كېلىپ مۇسۇلمان بولغان ھەم ئۇ يەردە ئۆز ئالدىغا خانلىق قۇرغان، بىر يۈز ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئىسرائىلبەگ، مىكائىلبەگ، ئىنانچىبەگ، يۈسۈپ ئىينالبەگ ئاتلىق تۆت ئوغلى بولغانىكەن. تۇنجى ئوغلى ئىسرائىل ئارسلان يابغۇ ئاتىسى ئورنىغا باش بوغ بوپتۇ. بۇ چاغدا كۆچۈپ خوراسان، ئافغانىستاننى پۈتۈن ئىگىلەپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىنى، ئىراننىڭ شەرقىنى بېسىۋالغان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى سەلجۇقىيلار خانلىقىغا كۆز تىكىپتۇ. ئۇ ئىسرائىل ئارسلان يابغۇغا «جانابلىرىنى
غەزنەيىنگە تەكلىپ قىلىمەن، كېلىپ سەيلە - ساياھەتتە بولۇپ كەتكەيسىز. مەنمۇ جەندە شەھرىگە بارىمەن، بىز ئاكا - ئۇكا بولۇپ ئۆتەيلى» دەپ مەكتۇپ يوللاپتۇ. ئىسرائىل ئارسلان يابغۇ بۇنىڭ بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلمەي غەزنەيىن شەھرىگە كەلگەندە، ئۇنى باھانىلەپ تۇتۇپ، ھىندىستاننىڭ كالانچەر دېگەن قورغىنىغا ئېلىپ بېرىپ زىندانغا تاشلاپتۇ. ھىجرىيە 416 - يىلى① ئىسرائىل ئارسلان يابغۇ زىنداندا ۋاپات بوپتۇ. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ سەلجۇقىيلار ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، غەزنەۋىيلەرگە پۇرسەت تاپسىلا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. غەزنەۋىيلەر بولسا، سەلجۇقىيلار خانلىقىنى يوقىتىش كويىدا بولۇپ كەلگەن. ئاداۋەت بارغانسېرى كۈچىيىپتۇ. سەلجۇقىيلارغا چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگ باش بولغاندا، ئۇلار كۆچۈپ قۇدرەت تېپىپ، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىيدىن ئالالمىغان ئۆچىنى ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋىيدىن ئالغان. ھىجرىيە 429 - يىلى② چاغرىبەگ لەشكەر تارتىپ كېلىپ خۇراساننىڭ ئەڭ مەشھۇر شەھرى مەرۋى شاھجاھاننى بېسىۋالغان، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەلخ شەھرىنىمۇ ئىگىلىگەن. توغرۇلبەگ نىشاپۇر شەھرىنى تەسەررۇپىغا ئالغان. ھىجرىيە 431 - يىلى③ سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋى بەش تۈمەن ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇن ۋە ئۈچ يۈز پىلدىن تەركىب تاپقان زور كۈچ بىلەن دەندانقان دالاسىغا يېتىپ كەلگەن. توغرۇلبەگمۇ بىر تۈمەن ئاتلىق ۋە پىيادە سىپاھ بىلەن كېلىپ جەڭ قىلىشقا ھازىرلانغان. جەڭ ئەتىسى سەھەردە باشلىنىپتۇ. سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋى شۇنچە كۆپ لەشكىرى بىلەن مەغلۇپ بولۇپ، ئاران قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. توغرۇلبەگ غەلىبە قىلىپ ئۆزىنى خۇراساننىڭ پادشاھى دەپ ئېلان قىپتۇ. جەڭدە تېنى ھەم دىلى يارىلانغان سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋى
① مىلادىيە 1025 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ② مىلادىيە 1307 - ، 1038 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. ③ مىلادىيە 1040 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دۇنيادىن ئۆتكەنكەن. خاقانىم، كۈيئوغۇللىرى شاھزادە مەھمۇد غەزنى شۇنداق ئۇرۇشلاردا ئەلگە سۇلتان بولۇپ تۇرماقتا. لېكىن، ئۇ ھېچكىمدىن ياردەم تەلەپ قىلمايدىكەن.
— ئۇ شۇنداق دېدىمۇ؟ — ئەجەبلەندى بۇغرا قاراخان.
— قېيىنئاتامغا ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىمنى ئېيتماڭ دېدى، — يۈسۈپ ئەينەن سۆزىنى يەتكۈزدى.
— راست گەپنى قىلماپتۇ، بەگيۈسۈپ، سۇلتان مەھمۇدنى بۇ قىيىن ئەھۋالدىن پەرۋەردىگار ئالەملا قۇتۇلدۇرالايدۇ. خۇدا بۇيرۇسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەنمۇ ياردەم قولۇمنى سۇنىمەن، — سۇلايمان ئارسلانخان كۈيئوغلىغا ئىچ ئاغرىتقان تەرزدە ئېغىر تىندى.
— سۇلتان مەھمۇد غەزنىنى قىيىن ئەھۋالدىن ياردەملا قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ، ئالىيلىرى. ۋەتىنگە بولغان پىداكارانە روھ، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چىدامچانلىق، سالماقلىق، ھېچكىمدىن قورقمايدىغان قەيسەر ئىرادە بىلەن دۈشمەنگە قارشى كۆكرەك كېرىپ چىقالغاندىلا، تەڭرىم غەلىبىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ.
يۈسۈپنىڭ بۇ گېپى سۇلايمان ئارسلانخانغا ماقۇل كەلدى.
— سىز كۈيئوغلىمغا بۇ قارىشىڭىزنى ئېيتتىڭىزمۇ؟
— ئېيتتىم، ئالىيلىرى.
— كۈيئوغلوم نېمە دېدى؟
— ئۇ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «سىز يېنىمدا بولسىڭىز، يېڭىلمەس لەشكەرىم باردەك غەيرەتلىنىپ كېتىدىكەنمەن، سىز ماڭا ئۈمىد بەخش ئەتتىڭىز» دېدى.
— بۇ ئۇنىڭ چىن سۆزىمىدۇ؟
— مەن ئەمدى قاراملىق قىلمايمەن، ئالدىن جەڭ ئېلان قىلمايمەن. ئەگەر سەلجۇقىيلار ھۇجۇم قىلىپ كەلگۈدەك بولسا، ئاللا ئاتا قىلغان بارلىق كۈچۈم بىلەن تاقابىل تۇرىمەن، مەغلۇپ
بولسام پېشانەمدىن كۆرمەن. بوۋام ئۆتكۈزگەن خاتالىق بىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، بۇ ساۋاقنى قېيىنئاتامغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ، دېدى. بۇ سۇلتان مەھمۇدنىڭ راست سۆزىدەك قىلىدۇ.
— قىزىم بىر نېمە دېمىدىمۇ؟
— دېدى، ئالىيلىرى. ئۆزاپ ماڭىدىغان چېغىمدا، ئاتامغا ئېيتىپ قويۇڭ، ئۇرۇش قىلغىنىمىزدىن مادارا قىلغىنىمىز، سەلجۇقىيلار خانلىقى بىلەن يارىشىۋالغىنىمىز ئەلگە پايدىلىق. بۇ توغرۇلۇق ئېرىمگە مەكتۇپ يازسۇن، دېدى.
— قىزىم زۆھرە توغرا ئويلاپتۇ، بەگىيۈسۈپ، ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە چېپىلىش — ھالاكەتكە يۈزلىنىش دېگەنلىك. سىز مېنىڭ نامىمدىن كۈيۆئوغلىمغا مادارا قىلىش، سەلجۇقىيلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش توغرۇلۇق مەكتۇپ يېزىڭ، ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىزغۇ.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى.
— ئەمدى بۆرە تەگكەن توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىڭ. ئۇ قېرىندىشىم نېمە كۈيدە بولۇۋېتىپتۇ؟
— بۆرە تەگكەن تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى مېنى ئىلگىرىكىدەك ياخشى كۈتۈۋالدى. ئۇ ئورنىنى مۇستەھكەملەش، قۇدرەت تېپىش نام قازىنىش كۈيىدە بولۇۋېتىپتۇ.
— خوش، ئۇ نېمىلەرنى دېدى؟
— ئۇنىڭ دېگەنلىرى كۆپ، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، مەزمۇننى دەپ بېرەي، — يۈسۈپنىڭ قارا كۆزلىرى جىمىرلاپ تۇرغان كۆلگە تېكىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بۆرە تەگكەننىڭ بۆرە تېرىسى سېلىنغان تەخت ئۈستىدە مەغرۇر ئولتۇرغان قىياپىتى كېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — مەن ئۇنىڭغا ئىشەنچۈبەكلىنى جازالىغانلىقىڭىزدىن ھەم ئەجەبلەندىم، ھەم خۇرسەن بولدۇم دېسەم، «ئاسسى — مۇناپىقلارنى جازالىمىغان شاھلار خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئاسان ئاغدۇرۇلۇپ
كېتىدۇ. مەن ئىنانچۇبەكلىك ئاغزىدىن كۈيئوغلىنى قىزىنىڭ زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ناھايىتى رەھىمسىز، قارا كۆڭۈل، نامەرد ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۆزىنى ماڭا سادىق كۆرسىتىمەن دەپ ئېيتقان گەپلىرى، بۇغرا قاراخان ئاغامنى قارىلاپ يازغان مەكتۇپلىرى مېنى شۇنچە نەپرەتلەندۈردى. ئۇ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن مەندىن خارەزم دىيارىنىڭ شاھلىقىنى سورىدى. مەن ئۇنىڭ بېشىنى كەستىم، قىزىنى سىر دەرياسىغا تاشلاتقۇزدۇم. ئۇ باشلاپ كەلگەن ئۈچ تۈمەن سىپاھنى قورالسىزلاندۇرۇپ، يۇرتىغا قايتىدىغانلارنى ئاز - تولا نەرسە بېرىپ قايتۇردۇم، قالىدىغانلارغا ماكانلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردىم، ياخشى قىپتىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن «ناھايىتى ئوبدان قىپسىلا، تامغاچ بۇغراخان، ئەمدى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىلا؟» دېۋىدىم، «دۆلىتىمنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ سەلجۇقىيلار بىلەن مۇناسىۋىتىمنى ياخشىلىماقچىمەن» دېدى. «غەزنەۋىيلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلامدۇلا؟» دەپ سورىۋىدىم، «ياق، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش نامەردلىك ئىشى» دېدى. «سەلجۇقىيلار غەزنەۋىيلەرگە ھۇجۇم قىلارمۇ؟» دەپ سورىسام، «مېنىڭچە، ئەمدى ھۇجۇم قىلسا، مەن غەزنەۋىيلەرگە ياردەم قىلىمەن» دەپ مېنى ئەجەبلەندۈرۈپ قويدى. مەن «قاراخانىيلارمۇ، غەزنەۋىيلەرمۇ، سەلجۇقىيلارمۇ بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى — ئوغۇزخان قوۋملىرىنىڭ ئۇرۇقى - پۇشتى، تامغاچ بۇغراخان ئالىيلىرى، بىز ئىناق - ئىتتىپاق بولۇشىمىز كېرەككى، بىر - بىرىمىزگە تىغ كۆتۈرمەسلىكىمىز لازىم. تىغ كۆتۈرسەك، ئاقىۋەتتە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھالاك قىلىمىز، ھالىمىز خارابلىشىپ كېتىدۇ» دېۋىدىم، بۆرە تېگىنىڭ ساقال - بۇرۇتلىرى تىكلىشىپ، كۆزلىرىدىن كۆكۈچ نۇر چاقنىدى. ماڭا تازا قادىلىپ قاراپ، تەختنىڭ يان يۆلەنچۈكىگە پاققىدە بىرنى ئوردى، چاچراپ قوپۇپ تەختتىن چۈشكىنچە ئالدىمغا
كەلدى. ئۇنىڭ ئېلىپازىدىن چۆچۈپ كەتتىم. بۇ ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم ئادەم زاتىدىن قورقۇشۇم ئىدى. «سىز تېخى مېنى چۈشەنمەپسىز توغرائى دىۋان بېشى، مەقسىتىم، قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئەمەس، ئېلىنى ئىناق، ئىتتىپاق، باياشات ياشاشقا يېتەكلەش، پۈتۈن قاراخانىيلار ئېلىنى قۇدرەتلىك ئەلگە ئايلاندۇرۇش. بۇ ئاللا خالىسا مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ. باشقا ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇغرا قاراخان ئاغام ئۆتكەن مەرھۇم بوۋامنىڭ تەۋەررۈك تونىنى ھەر يىلقى نورۇز بايرىمىدا، ئىككى ھېيتتا كىيىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىمەن» دەپ كەينىگە ياندى. يۈرىكىم ئورنىغا چۈشتى، خاقانىم. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن پەيت كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۇغرا قاراخان بولۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭغا ئىشەنچلىك بولىدۇكى، تامغاچ بۇغراخان ئالدىراپ ئوردۇكەنتكە لەشكەر تارتىپ كەلمەيدۇ. ماڭىدىغان چىغىدا، ئۆمۈرۋايەت ئۇنداق نىيەتتە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇزىتىپ قويدى.
— ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم، بەگىيۈسۈپ، ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن. ئەتە تايانغۇلار كېڭىشى چاقىرىپ ئەلگە ئەمىنلىك جاكارلايمەن.
— ئاللا ياخشى نىيەتلىرىگە يەتكۈزسۇن، — دېدى ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىراپ تۇرغان يۈسۈپ. ئۇ سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەكلىپىنى يېرىلماي، كېچىلىك تاماقتىن ئونىڭغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ئوردىدا قالدى.
يۈسۈپنىڭ كەلگىنىنى خەۋەرچىدىن ئۇققان ئاقبىرانىڭ باغ ئىچىدىكى راۋاققا داستىخان سېلىپ، قېيىنئانىسى، قىزى بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغىنىغا بىر ئاش پىشىم بولغانىدى. ئۇنىڭ ياشلىق كۆزلىرى ئىشىكتە ئىدى. بۈۋىئايىشە چىدىيالماي ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئاتىسىنى كۈتۈشكە باشلىدى.
2
بوران - چاپقۇنلۇق جۇت كۈنلەردىن كېيىن، پەسىلنىڭ ئىللىق چاغلىرى باشلانغانىدەك، ئىككى قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ ئەنسىز، غەم - ئەندىشىلىك ئايلىرى ئۆتۈپ، يەنە تىنچ - پاراۋان يىللىرى باشلاندى. شەرقىي قاراخانىيلار ئېلىمۇ ئۆز يولى بىلەن، غەربىي قاراخانىيلار ئېلىمۇ ئۆز يولى بىلەن ھايات مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەۋاتاتتى. بۇ يىللاردا، يېزا - قىشلاق، شەھەر - بازارلارغا نۇرغۇن يېڭى مەدرىسە، مەكتەپلەر سېلىندى، يوللار ياسالدى، ئېرىق - ئۆستەڭ، كۆللەر چېپىلدى. يېڭى شەھەر، بازارلارمۇ مەيدانغا كەلدى.
بېگتاش جالالىددىن يۈسۈپنىڭ دەۋىتى بىلەن چاڭئەن، كەيفېڭلارغا يىپەك، گىلەم، كېپەك ئالتۇن، قۇرۇق يەل - يېمىش ئېلىپ بېرىپ، تېتىللا، كىمخاب، تاۋار - دۇردۇن قاتارلىق ماللارنى ئىككى قېتىم ئەكەلدى. ئاندىن يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈچ، كۇچا قاتارلىق يۇرتلارغا ئېلىپ بېرىپ ساتتى، نەچچە ھەسسە پايدا ئېلىپ يەنە چاڭئەنگە يۈرۈپ كەتتى. بالاساغۇندا قالغان ئادار، يارۇقلار باغدات، رۇم قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەرگە ئەتلەس، شاھى، پىچاق، قىلىچ، خەنجەر، ساپ ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ سېتىپ، ئۇ يەردىن خىلمۇخىل رەخت، سائەت، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەلدى. تالاس، بارسغان، ئىسپىجاب، سەمەرقەنت، بۇخارا، مەرۋى شاھ جاھان قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ ساتتى، ئۇلار پايدىسى نەچچە قاتلانغان بۇ تىجارەتنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.
ئوردا ئىشلىرى بىلەن ھەممىشە ئالدىراش بولغان يۈسۈپ ھەر قايسى جايلاردىكى تىجارەت ئەھۋالىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. كىرىم - چىقىمنى ھېسابلىتىپ زاكاتنى ئايرىپ، ئۇنى يۈزلەنگەن يېتىم - يېسىر، مۇساپىر - مېھمانلارغا، موھتا جلىقتا
728
غېرىبسىنىپ قالغانلارغا بېرىتتى. يەنە مىڭ سەر ئالتۇن قىممىتىدە پۇل چىقىم قىلىپ، دۆلەتباغ يېزىسىغا بىر ئۈستەك چاپتۇردى. سېيىت ئەلى ئارسلانخان ۋە ئۇنىڭ ئانىسى نۇرغەلانۇر خېنىم مەقبەرىلىرىنى گۈمبەز، پېشتاقلىق قىلىپ ياساتتى، ئەتراپىدىن بەش يۈز چارەك يەر سېتىۋېلىپ بۇ مازارغا ۋەخپە قىلىپ بەردى. بۇغرا قاراخانلارنىڭ خاس بارگاھى بولغان خانئۆي يېنىدا ئانارلىق باغ بىنا قىلدۇردى. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىدا بىر ھاممام سالدۇردى. يۈز چارەكلىك ئارتۇقراق كېلىدىغان يەرگە ئەنجۈرلۈك باغ ئەھيا قىلدۇردى. بۇ ئارىلىقتا خوتۇن - بالىلىرى بىلەن بالاساغۇنغا ئىككى قېتىم باردى. ھەر قېتىمدا قەدىمكى جايىغا چۈشتى، بۇ قورۇدا ئاچىسى ئايتىمىش بىلەن يارۇق تۇرۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۆسۈپ كەتكەنىدى، ئىككى بالىسى «بۇغراخان مەدرىسى»نى پۈتكۈزۈپ، ئاتىسى بىلەن تىجارەت قىلىشقا كىرىشكەنىدى. قالغان ئالتە بالىنىڭ ئۈچى «رەيھانىيە» مەدرىسىدە ئوقۇۋاتاتتى. يارۇقتەك بالىلىرى كۆپىيىپ قالغان ئادار بالاساغۇندىكى تىللا سارىيىنى باشقۇراتتى. بۇ ئىككى باجا پۈتۈن تىجارەت ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. قىزىتۇرمىش پات - پات ئايتىمىشنىڭكىگە كېلەتتى، ئارچۇنمۇ ئۆزى چوك بولغان بۇ باغلىق قورۇققا كېلىپ - كېتىپ تۇراتتى. ئېرى ئېربۇقا پەتھىدىن ئاتىسېدەك سەرگەردە بولماي «رەيھانىيە مەدرىسى»دە مۇدەررىس بولغانىدى، يۈسۈپ بىلەن ئۆزۈلدۈرمەي خەت يېزىشىپ تۇراتتى، ئىككى بالىلىق بولغانىدى.
يۈسۈپ يۈز ياشتىن ھالقىغان ئاشان بوۋاينى يوقلاپ تۇردى. بۈدرەچ موماي ئىككى كۈندىشى بىلەن ئالدىغا چىقىپ خۇشال كۈتۈۋالاتتى. ئاشانبۇقا مەرھۇم رەيھاندىنبەگنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلاتتى، ئۇ يەنىلا مۆڭگۈزدەك تۇرغانىدى، پەرەزنتلىرى ئون ئىككىگە يەتكەنىدى.
يۈسۈپ خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگە باردى. ھاۋاخان ئاغىچا كۈيۆئوغلۇ، قىزى، نەۋرىلىرىنى كۆرۈپ
خوش بولغىنىدىن ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى. ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغوپۇر مەخدۇم:
— خەۋەر بەرمەيلا ئۇشتۇمتۇت كەلگەنلىرىدىن يىغلىشىمنىمۇ، كۈلۈشۈمنىمۇ بىلمەي قالدىم، بالام. نەۋرەم بۇۋىئايىشە شۇنچە چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ. ئوغۇل نەۋرەممۇ بار ئىكەن تېخى، كەل قوزام، باغرىمغا بىر بېسىۋالاي، — دەپ بەگتۈرمىشنى كۆتۈرۈۋالدى. ئاقىبەت بۇ بالىنى ئالدىنقى يىلى تۇغقانىدى. يۈسۈپ ئۇستازىغا يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بەردى.
— ئەجەب ياخشى شېئىرلارنى يېزىپسىلا، بالام. بۇنىڭدا تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرىپى، ئادەمنىڭ ھەممە قاتلىمى سۈرەتلەنگەن، مەنىسى چۆلدىكى بۇلاقتەك ھۇزۇرلىق ئىكەن، ئاڭلىغانسېرى تەشنالىقىم كۆچەيمەكتە، — دېدى ئەبۇ پۇتۇھ مەخدۇم ھاياجانلىنىپ.
يۈسۈپ ئىككىنچى قېتىم كېلىپ — كېتىشىدە، بەگتۈرمىشنى قېيىنئاتىسىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويدى.
— خودا پېقىرغا بىرلا قىز ئاتا قىلغانىدى، ئۆزۈڭدىن ئايرىلىپ بەكمۇ غېرىبسىنىپ قالدۇق، بالام. نەۋرىمىز بەگتۈرمىش ياشانغان چېغىمىزدا بىزگە ھەمراھ بولسا، — دەپ ئۆتۈنگەن قېيىنئاتا، قېيىنئانىسى غايەت خوش بولۇشۇپ قالدى.
بۇۋىئايىشە ئۆسكەنسېرى سەرۋى دەرىختەك زىلۋالىشىپ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. قاش — كۆزى يۈسۈپكە، ئېغىز — بۇرنى ئاقىبەتكە تارتىقانىدى. ئەرەبچە، پارسچە تىلنى پىششىق ئۆگەنگەنىدى. خاقانىيە تىلىدا يېزىلغان كىتابلارنىمۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر، سوغدى يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇپ بەھرە ئالالايتتى. ھەر جايدىن ئەلچىلەر كېلىپ باش ئاغرىقى قىلىشقا باشلىغانىدى. ئايتولۇننىڭ چوڭ ئوغلى ئېلىبەگ ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ يۈرەتتى، ئىشتىياق بىلەن يازغان شېئىرلىرىنى تاغىسىغا كۆرسىتىشنى باھانە قىلىپ، كۈن
ئاتلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ كېلىپلا، بۇۋىئايىشە يامىلاردىكى گۈللەرگە سۇ قويۇشقا باشلايتتى، ھويلىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بۇلدۇقلاپ تۇرغان ئايبۇلاقتىن سۇ ئېلىپ يەرگە چاچاتتى، نەزىرى پەردىسى قايرىپ قويۇلغان دېرىزىگە ئاغاتتى … لېكىن، ئۇلار تېخى بىر - بىرىگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشمىغانىدى، ئاقىبەت بۇنى سەزگەن بولسىمۇ، يۈسۈپكە تېخى ئېيتىمىغانىدى.
بۇغرا قاراخاننىڭ جاندارلار ئەمىرى بولغان ئوغلى ئۆدەشنى پاناھ تارتىپ، ئۇنىڭ كېيىنكىن قەشقەرگە كېلىشكەن ئادامتۇغرۇل، ئارازان ئاغىچا نەۋرىسى ئېلىبەگنىڭ تويىنى پاتراق قىلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى. يەتتمىشتىن ھالقىغان ئادامتۇغرۇل قەشقەرگە كېلىپلا دەم ئېلىشقا چىقىۋالغان ۋە بۇغرا قاراخان خانلىق زېمىندىن ئىنئام قىلغان دۆلەتباغدىكى ئەللىك چارەك يەرگە ئۆدەشنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن باغلىق قورۇ ياسىتىۋالغانىدى. ئۇ نەۋرىسى ئېلىبەگنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. كېچىچە ئۇنى دالادا، باغدا مەشىق قىلدۇراتتى، شىكارغا ئېلىپ چىقاتتى. نەۋرىسى «ساچىيە مەدرىسى» دە ئوقۇشقا باشلىغاندىن بۇيانمۇ، ھەر جۈمە دەم ئالغاندا ئېلىبەگ بىلەن قىلىچۋازلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.
قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن «ساچىيە مەدرىسى» دە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان يۈسۈپكە زىرەكلىكى، ئەدەپلىكلىكى بىلەن تالىپلار ئارىسىدا كۆزگە تاشلانغان ئېلىبەگ يېقىپ قالغانىدى. چەۋەندازلىقتا ساۋاقداشلىرىدىن ھېچبىرى ئۇنىڭغا يېتەلمەيتتى. نەزم - شېئىرنىمۇ ياخشى يازاتتى، ئات مىنىشكىمۇ ماھىر ئىدى. ئىككى قېتىم ئات بەيگىسىدە ئوزۇپ چىقىپ، بۇغرا قاراخان تەرىپىدىن تارتۇقلانغان، نۇرغۇن قىزلار تاشلىغان ياغلىقلار ئىچىدىن بۇۋىئايىشە تاشلىغان ياغلىقنى تۇتۇۋېلىپ باغرىغا تانغانىدى.
ئاخىرى ئېرى بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالغان ئارازان ئاغىچا
731
قىزى قۇمبا بىلەن بىر پەتنۇس توقاچقا قىزىل ھېلىھې رومالنى يېپىپ دېدەك ئايالغا كۆتۈرتتى. مەپىگە چۈشۈپ دۆلەتباغدىكى قورۇسىدىن بولاقبېشى مەھەللىسىدىكى يۈسۈپنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كەلگەندە، بۇلدۇقلاپ تۇرغان ئابىبۇلاق بويىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغان بۇۋىئايىشە مېھمانلارنى كۆرۈپلا خانىشقا ئىتتىك كىرىپ كەتتى. رابىئە، ئاقبىلالار ئۆيدىن چىقىپ كۆرۈشتى. ئېلىپ كەلگەن داستىخاننى قوبۇل قىلىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئارازان ئاغىچا ئىككى ئائىلىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بېرى ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېغىز ئاچتى. رابىئە يۈسۈپ ئوردىدىن چۈشلۈك تاماقققا كەلگەندە، ئاقبىرا بىلەن ئۇنى ئۆز خانىسىغا چاقىرىپ، ئارازان ئاغىچىنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزدى. يۈسۈپ ئاقبىراغا قارىدى، ئاقبىرا قىزىنىڭ ئېلىبەگنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى ئېرىگە ئاشكارىلىمىدى. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ئېلىبەگنى كۈيۆئوغلۇ قىلىشقا قوشۇلدى. ئارازان ئاغىچىنىڭ داستىخىنىغا بىر بەلباغ، بىر خەنجەرنى سېلىپ قويدى. بۇ ماقۇللۇق بىلدۈرگىنى ئىدى. توي كۈنىنى ئادامتوغرۇل بەلگىلەپ بەردى، لېكىن تويغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە بالاساغۇندىن كەلگەن ئادار بۇ توينى توختىتىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە قارا ھازا كىيىمى بار ئىدى. ئۇ يارۇقنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى بىلەن يەتتە ياشلىق، تۆت ياشلىق ئىككى قىزىنىمۇ ئېلىپ كەلگەندى. بالىلارنىڭ روھى چۈشكۈن، چىرايى سولغۇن بولۇپ، ماتەم كىيىمىنى كىيگەندى. يۈسۈپ، رابىئە بۇلارنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى. — ئادار بالام، نېمە بولدى، نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار؟ — دەپ سورىدى يۈرىكى ئېغىپ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغان رابىئە. ئادارنى يىغا تۇتۇپ گەپ قىلالماي قالدى، بىردەم تۇرۇۋېلىپ يارۇق بىلەن ئايتىمىشنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇن
كېچىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
- مەن بامدات نامىزىغا چىقاي دەپ تۇرۇۋېدىم. يارۇقنىڭ مەدرىسەدە ئوقۇۋاتقان ئۈچىنچى ئوغلى مەردانبەگ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالدىمغا كېلىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆز خانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. بېشىمغا ئاسمان كۆمتۈرۈلگەندەك بولۇپ، قىزىتۇرمىش بىلەن چوك قورۇغا باردىم. دېگەندەك، يارۇق، ئايتمىش يوتقان ئىچىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۆيدىكى زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، ساندۇقتىكى ئالتۇن - كۈمۈشلەر ئېلىپ كېتىلىپتۇ، ئۆي ئىچىدىكى بساستلار ئۆتەي - تۆكتەي قىلىۋېتىلىپتۇ. ئو يەردىكى تۇغقانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئېلىكخاننىڭ كوتۇۋالبېگى①گە مەلۇم قىلىپ قويۇپ، مېيىتلەرنى يەرلىكتە قويدۇق … بۇ خەۋەر يۈسۈپكىمۇ چاقماق سوققاندەك تەسىر قىلدى، ئۇلار دەرھال بالاساغۇنغا بېرىشقا جابدۇندى. يۈسۈپ ئەھۋالنى سۇلايمان ئارسلانخانغا ئېيتىپ رۇخسەت سورىدى. بۇ پاجىئەدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن بۇغرا قاراخان قاتىلنى تۇتۇپ جازالاش توغرىسىدا بالاساغۇن دىيارىنىڭ ئېلىكخانى بولغان ئوغلى ئەبۇ ھەسەن تېكىنگە يارلىق يېزىپ بەردى. يۈسۈپ ئانىسى يابرا، ئاچىسى ئايسىلىگ ۋە ئادارلار بىلەن يولغا چىقتى. ئۆتەك - ئۆتەكتە ئات يۆتكەپ يىگىرمە بەش كۈن بولغاندا بالاساغۇنغا يېتىپ بېرىپ قەدىمكى جايىغا چۈشۈشتى … يۈسۈپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئورداغا بېرىپ ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان بىلەن كۆرۈشۈپ، يارلىقنى ئىككى قوللاپ سۇندى. ئەبۇ ھەسەن ئارسلانخان يارلىقنى باش ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، بوسە قىلىپ ئوقۇدى:
«ئايغۇچى، كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئوغلوم ئەبۇ ئەلى ھەسەن تېكىن، مەن سىزنى ئەلنى قانۇن -
① كوتۇۋالبېگى — ساقچى باشلىقى.
نىزام بىلەن باشقۇرۇپ كېتەلەيدۇ، دەپ مەملىكىتىمىزنىڭ ئاستانە شەھىرى بولغان قۇزئوردۇغا ئېلىكخان قىلغان ئېلى ئارسلانخان ئونۇۋاننى بەرگەنىدىم. ۋاھالەنكى، ئۇ يەر تېخىچە تىنچ ئەمەس ئىكەن. مەرھۇم ھاجىبۇل ھۇجراپ رەيھاندىنبەگنىڭ كۈيۆئوغلى، قىزى ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلۈپ، قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلىرى ئوغرىلىنىپ كېتىپتۇ. بۇ قانلىق پاجىئە ئۇيقۇمنى ئاچتى، بالام. بۇنى دەرھال ئېنىقلاپ قاتىلنى تۇتۇپ جازالىمىغاندا، ئەلئامنى خاتىرجەم قىلغىلى بولمايدۇ، توغرائى دىۋان بېشى بۇ يارلىقىمنى ئېلىپ كەتتى. مەزمۇندىن ۋاقىپ بولغان ھامان، قاتىل تۇتۇلغان بولسا، دارغا ئېسىپ ئىبرەت قىلماق. تۇتۇلمىغان بولسا، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن تېز تۇتۇپ، يىلتىزى بىلەن قۇرۇتۇپ تاشلىغايسىز.
بۇغرا قاراخان ئەبۇ شۇجائى سۇلايمان ئارسلانخان ھىجرىيە 435 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 11 - كۈنى ①»
ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان يۈسۈپنى كۆرۈستە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىمۇ تەختتە ئولتۇردى.
— توغرائى دىۋان بېشى، ئەپسۇس، ئەپسۇس. مەن بىر ئاي ئىلگىرىلا بۇ پاجىئەدىن خەۋەر تېپىپ، كوتۇۋالبەگكە قاتىلنى تۇتۇش توغرۇلۇق جىددىي بۇيرۇق بەرگەنىدىم. ھازىرغىچە قاتىلنىڭ تۇتۇلغىنى توغرىسىدا خەۋەر بولمىدى. قۇزئوردۇدا تەكشۈرۈلمىگەن ئائىلىلەر قالمىدى. باشقا جايلاردىن كەلگەن تىجارەتچى، ساياھەتچىلەرمۇ، مۇساپىرلارمۇ تەكشۈرۈلۈپ سۈرۈشتۈرۈلدى، ئەمما قاتىلنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىدۇق، ئاچچىقىمدا كوتۇۋالبەگنى ئەمىلىدىن ئېلىۋېتىپ، ئۆزۈم تەدبىرلىك دەپ قارىغان ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ ئەمىرى
① مىلادىيە 1044 - يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. 734
بۆرىبەگنى قويدۇم. ئۇ جىددىي تەكشۈرۈۋاتىدۇ. — ئادەمخۇن … — دېدى يۈسۈپ ھەسرەت بىلەن، يارۇق ۋە ئاچچىق ئايتىمىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، — ئۇلارنىڭ پاشىمۇ ئازارى يوق ئىدى، ئېلىكخان ئائىلىرى. بۇ پاجىئەدىن كېيىن قوزغۇلاڭدا ئەنسىزلىك پەيدا بولۇپ قاپتۇ، قاتىلنى تېپىپ جازالاپ، ئاۋامنى خاتىرجەم قىلىش زۆرۈر، ئەلۋەتتە. بۇ چاغقىچە قاتىل تۇتۇق بەرمەپتۇ، ئەمدى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش كېرەك. تۇتۇپ مەلۇم قىلغان ئادەمگە يېقىر مىڭ سەر كۈمۈشنى ئاتاپ قويدۇم. — جىنايەتچىنى تۇتۇش، جازالاش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، تۇتۇپ مەلۇم قىلغان ئادەمگە سۆيۈنچە بېرىشمۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىز، توغرائى دىۋان بېشى، — ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان ئورنىدىن تۇردى. يۈسۈپ رەھمەت ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى. «قاتىل زادى كىم؟ ئوغرىمۇ، قاراقچىمۇ ۋە ياكى ئۆچ ساقلاپ يۈرگەن سوغۇق سەتچىمۇ؟ …» ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئوردىدىن چىققان مەھەلدە، قارا پەرەنجىگە پۈركۈنۈپ چۆمبەل تارتقان تۆت خوتۇن بالاساغۇندىن تالاس شەھىرىگە بارىدىغان توپىلىق يولدا، ئۈچ ئات قوشۇلغان مەپىدە مۆگدەپ كېتىۋاتاتتى. مەپىكەش قارا ساقال، بوغداي ئۆڭ، تەمبەل ئادەم بولۇپ، بادام دوپپا، ئالدى ئوچۇق ئوزۇن چوتا كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى، بېلىبېغىغا ناس قاپىقى ئېسىقلىق ئىدى، پات — پات قامچىسىنى شىلتەپ قاس چىقىرىپ ئاتلارنى ئىتتىكلىتەتتى. مەپىدە يانتۇ ئولتۇرغان بىر خوتۇننىڭ كاسىسى ئۇنىڭ يانپىشىغا تېگىپ قالغانىدى. مەپىكەش «ئەجەپ سېمىز ئاغىچا ئىكەن، قورسىقىنىڭ يوغىناپ كەتكىنىگە قارىغاندا ئېغىر ئاياغدەك قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ قورسىقىغا جىن كىردى، سەل سۆرۈلۈپ نىقتاپ ئولتۇردى، تېنىگە ئىسسىق تاردى. ئۇ قامچىنى سول قولىغا ئېلىپ، ئوڭ قولى بىلەن ئۇ خوتۇننىڭ تېقىمىنى سىلاپ باقتى، خوتۇن بېئارام بولدىمۇ، ئۇنىڭ قولىنى ئاستا ئىتتىرىۋەتتى، يەنە
سېلىندى، يەنە ئىتتىرىۋەتتى. مەپىكەش «قىپچىقى بار جۇۋان ئوخشايدۇ» دەپ شوخلۇق قىلىپ كاسىسىنى چىمدىۋالدى. «ۋايجان!» دېگەن قوپال ئاۋاز مەپىكەشنى ھەم قورقۇتۇۋەتتى، ھەم ھەيران قالدۇردى. بۇ ئاۋاز ئايالنىڭكىگە ئەمەس، ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشايتتى. «ئەجەپ ئېيىققا ئۇچراپ قالغان ئۇتۇنچىدەك ۋارقىرىدى. ئاۋازى نېمىدېگەن سەت خوتۇن بۇ؟!» دەپ قالغان خاروڭكەش شاپ بۇرۇتلىرىنى تولغاپ قويدى.
— تالاسقا يەنە قانچىلىك يول قالدى؟ — دەپ سورىدى چۈمبىلىنى قايرىپ ئاسمانغا باققان ئايال. ئۇنىڭ ئونىمۇ ئەرلەرنىڭكىدەك بوم چىقتى. كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغانىدى.
— سەككىز — ئون چاقىرىمچە يول قالدى، خېنىم، — دەپ جاۋاب بەردى مەپىكەش تېخىمۇ ھەيران بولۇپ ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، سورىدى، — خېنىم، ھەربىيلەرنىڭ ئاۋازى ئەرلەرنىڭكىگە ئەجەپ ئوخشايدىغۇ، قەيەرلىك بولۇشلا؟
قاقاھلىغان ئاۋاز مەپىكەشنى راستلا چۆچۈتۈۋەتتى.
— ئاۋازىممۇ نېمە بولار؟ — پىچىرلىدى تېنىگە تىترەك ئولاشقان مەپىكەش.
— راست دېدىڭ ئەييار، مەپىنى توختات! — يېنىدا ئولتۇرغان يوغان قورساق مەپىدىن سەكرەپ چۈشتى. ئۇنىڭ كەينىدىن قالغانلارمۇ يەرگە ئاياغ بېسىپ يۈزىدىكى چۈمبەل بىلەن قارا پەرەنجىنى ئېلىۋېتىشتى.
مەپىكەش يولغا ئېگىلىپ قالغان قېرى دۆمچەك جىگدە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە مەپىنى توختاتتى ۋە قاراپ ساقال — بۇرۇتلۇق تۆت ئەر كىشىنى كۆرگەندە داڭ قېتىپ قالدى، ئاغزى گەپكىمۇ كەلمىدى.
— چاۋار، قابان، مەپىدىن تاغارنى چۈشۈرۈڭلار، — دەپ بۇيرۇدى قورساق سېلىپ سەمىرىپ كەتكىنى.
— خوب، بوزاغو بېگىم، — دېدى پاكار، چوقۇر يۈز چاۋار. ئۇ بويىلوق، قارىمۇتۇق كەلگەن قابان بىلەن مەپىدىن يوغان بىر
تاغارنى ئالدى. — ئېچىڭلار! قاپان تاغارنىڭ ئېغىزلىكىنى يېشىپ ئاچتى، ئىچىدە كىيىم - كېچەك، نەيزە - قىلىچ، قالقان كەبى نەرسىلەر بار ئىدى. ئۇلار كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، بەللىرىنى كەمەر بىلەن باغلاپ، قىلىچنى ئاستى، قوللىرىغا قالقان، نەيزىنى ئالدى. — ھە، ئەمدى بوزاغۇبەگنىڭ ھەقىقىي ياساۋۇللىرى بولدۇڭلار، — دېدى بوزاغۇ نەيزىنى مەككىگە قارىتىپ، — مەقسەت يولىدا ئاتلىنىپ، بىرىنچى قەدەمنى غەلىبىلىك باستىم. رەيھاندىنبەگنىڭ ماڭا تەگكەن ئونىمىغان قىزىنى ئېرى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ پۇخادىن بىر چىقتىم. تالاس قەلئەسىگە بارغاندىن كېيىن قۇماربەككە دەپ، ھەربىرىڭلارغا ئەللىك سەر كۈمۈش بېرىمەن. ئەمدى ماڭا مەككىمۇ، مەككىنىڭ كۆۋرۈكى قالمىدى. ئاتلارنى ئېگەرلەڭلار، بىز شىكاردىن قايتقان قىياپەتتە تالاس شەھىرىگە كىرىمىز. ئۇ بار كۈچى بىلەن نەيزىنى مەككىنىڭ كۆكسىگە تىقتى …
3
قاراخانىيلارنىڭ يەتتەسۇ دىيارىدىكى تالاس شەھىرى ئەتراپى باغۇبوستان بىلەن ئورالغان ناھايىتى گۈزەل شەھەر ئىدى. چاچ، ئىدىقۇت، قەشقەر، بالاساغۇن، ئۆزكەنت، سەمەرقەنت، باغدات، رۇم شەھەرلىرىدىن كېلىپ - كېتىپ تۇرغان سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى يىل بويى ئۈزۈلمەيتتى. باج - سېلىقتىن ئېلىنغان تىللا - كۈمۈشلەر ئون نەچچە يىلدىن بېرى تالاس ۋە ئىسپىجاب شەھەرلىرىگە ئىگىلىكخان بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ خەزىنىسىگە تۆگىمىنىگە چۈشكەندەك تۆكۈلۈپ تۇراتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ تازا رازى ئەمەس ئىدى. ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننى ئىقتىدارسىز، مۇددەتسىز بولۇشقا
لايىق، بۇغرا قاراخان بولۇشقا لايىق ئەمەس، دەپ ھېسابلايتتى. بۇ كىچىك خوتۇنى ئالتۇن تارىم قۇماربېكەنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن قارىشى ئىدى.
شەھۋانىي ھەۋەسكە بېرىلىپ كەتكەن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئۆزىگە خاس ھۆسن - جامالغا ئىگە، پەزىلەتلىك خانىش ئەردەنى تۈركەن مىلىكىدىنمۇ، ئادەمنى مەھلىيا قىلغۇدەك گۈزەل خۇلۇققا ئىگە سۇسەرئايىبىكىدىنمۇ، قەيسەر، نازاكەتلىك قىلىپچاندىنمۇ كۆڭلى قېلىپ، ئۇلارغا ئېتىبار قىلمايدىغان، يوقلاپ تۇرمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئېرىنىڭ قۇماربېكەگە بېرىلىپ كەتكىنىدىن ئاچچىقلانغان ئالتۇن تارىم ئەردەنى خوتۇن قەشقەر ئوپالدىكى چار بېغىغا چىقىۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتاتتى. نەۋرىسى مەھمۇد تېگىن پات - پات چىقىپ مۇمىسىنى يوقلاپ تۇراتتى. مۇھەممەد ئارسلانخان قالغان ئىككى خوتۇنى يېنىدا بولسىمۇ، ئۇلارغا ئانچە ئېتىبار قىلمايتتى، ھەممىدىن ياش، چىرايلىق بولغان قۇماربېكەنى ئەتىۋارلايتتى، نىكاھلاپ ئەمرىگە ئالغان يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭغا بولغان ئىشقى سۇسلىشىپ قالماستىن، بەلكى بارغانچە كۈچىيىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭدىن بولغان ئوغلى ئىبراھىم تېگىن ئون يەتتە ياشقا كىرىپ قالغانىدى، ئۇنىڭغا دوقاقبەگنىڭ ئەپرۇزە ئىسىملىك قىزىنى ئېلىپ بەرگەنىدى. قۇماربېكە بۇ ئوغلىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىسىلا، مۇھەممەد ئارسلانخانغا شۇنچە يېقىنچىلىق قىلاتتى. ئېرى خاپا بولۇپ قالسا، ناز - كەرەشمىسى بىلەن خۇشال قىلاتتى. ئاچچىقى كېلىپ قالسا، شېرىن سۆزلىرى، گۈل بەرگىدەك تىترەپ تۇرغان لەۋلىرى، لىغىلداپ تۇرغان كۆكسى بىلەن ئاچچىقىنى ياندۇراتتى. يا ئۇد، يا تەمبۇر ياكى قوبۇز چېلىپ سۆيگۈ شامىلى چىقىراتتى، غەمزە بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ ھەۋىسىنى قوزغايتتى، ئەنبەر پۇراپ تۇرغان يوتقان ئىچىدە جەننەت ھۇزۇرىنى بېرەتتى. مۇھەممەد ئارسلانخانغا بۇ خانىشى كۈلسە كۈن چىققاندەك، يىغلىسا يامغۇر
ياققاندەك تۇيۇلاتتى، ئۇ نېمە قىلمەن دېسە يول قوياتتى. گاھى تۈنلىرى ئۇنى باغرىغا بېسىپ: — ئابىنچۇ خاتۇن، ئابىنچۇ خاتۇن، سىزنى خۇدايىم مەن ئۈچۈنلا شۇنداق لەتىپ، نازاكەتلىك قىلىپ يارىتىپتىكەن. جامالىڭىزغا قاراپ تويمايمەن، سىز بولمىسىڭىز قانداق قىلاتتىم، — دەيتتى. — راست، خۇدايىم ئائىلىرىدەك خانزادىنى قېرىتماي، دۇنيانىڭ راھىتىدىن ھۇزۇرلاندۇرسۇن دەپ مېنى سىلىگە قوشقان، سىلى مەندىن ئايرىلمىسىلا ھەرگىز قېرىمايلا، — دەپ ئېرىنى باغرىغا تارتاتتى. ئۇ مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە باغلىۋېلىپلا قالماستىن، كۆزىنىمۇ باغلىۋالغانىدى. قۇماربېككە ياققان ئادەم ۋە نەرسىلەر ئۇنىڭغىمۇ ياخشى كۆرۈنەتتى، ئۇ ياق تۇرمىغاننى ياق تۇرمايتتى. ئۇزاق ۋاقىت قېچىپ - تېنىپ يۈرگەن بوزاغۇ سىڭلىسى قۇماربېكنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن «ئاغۋات» بولۇپ، ئوردادا ھەرەمدە بىرنەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى، سېزىلىپ قالمىدى، مۇھەممەد ئارسلانخان بوزاغۇنى تونۇيالماي قالدى. «ئۆلدى» گە چىقىرىۋېتىلگەن بوزاغۇ ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. ھەرەمدىكى كېنىزەكلىرىنى بۇزۇپ، شەھۋانىي ھەۋەسكە بېرىلىپ كەتكەن بوزاغۇنى قۇماربېكە تىزگىنلەپ تۇرمىغان بولسا ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ قالاتتى. خانىش ئۆز ئادىمى بولغان دوقاقبەگكە ئېيتىپ، ئاۋۋال ئۇنى ئوردادا ياساۋۇللۇققا قوبۇل قىلغۇزدى، كېيىن ئېلىكخاننى مۇھاپىزەت قىلغۇچى جاندارلىققا تاللاتقۇزدى. بوزاغۇ بۇ ھەمشىرىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بۇرنىدىن كىرىپ ئاغزىدىن چىقىپ يۈرۈپ جاندارلارنىڭ بېشى بولۇپ قالدى. ئۇ ھوقۇققا، كۆچكە ئىگە بولغانىدى. — ئاكا، — دېدى قۇماربېكە بىر كۈنى خاس ھۇجرىسىغا
بوزاغۇنى چاقىرتىپ، — ئۆزۈڭنى بىر سىناپ كۆرگۈڭ بارمۇ؟ ئاتاڭنىڭ بېشىغا چىققان، سەندىن بىر قولنى ئارتۇق كۆرگەن رەيھاندىنبەگنىڭ ئۇرۇق - پۇشتىدىن ئۆچ ئالىدىغان پەيت كەلدى. ئۆزى بولسىغۇ بېشىنى كېسىۋېتىپ ئەكىلىپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋالغان بولاتتىم. ئەپسۇس، بونى سەزگەندەك بۇرۇن كېتىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى، نەۋرىلىرى بار، ئۇلاردىن بىر - بىرلەپ ئۆچىمىزنى ئالالايمىز. ئادەملىرىمىزدىن ئىگىلىشىمگە قارىغاندا، ئۆز ۋاقتىدا ساڭا تېگىشنى خالىمىغان قىز ئايتمىش ئېرى بىلەن بالاساغۇندىكى قەدىمكى جايدا تۇرۇۋېتىپتۇ. ئېرى يارۇق ئادار دېگەن يەنە بىر قول بىلەن تىجارەت قىلىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ تىللا سارىيى، جاۋاھىرات دۇكىنى بار ئىكەن. سەن ياراملىق، سىناقتىن ئۆتكەن ئۈچ - تۆت ئادىمىڭ بىلەن قۇزغۇندۇغا بېرىپ يارۇق، ئايتمىشنى ئۆلتۈرگەن، قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن، ئىز قالدۇرماي، شەھەر چىقارماي قايتىپ كەلگىن. شۇنداق قىلالىغان بولساق، بىز ئوردىكەنتتە كۆرەڭلەپ كېتىۋاتقان يۈسۈپكە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن بولاتتۇق. بۇغرا قاراخان جەمەتىنى ھىمايە قىلىدىغانلارنىڭ كۆڭلىگە ئەسەبىي قورقۇنچ چۈشەتتى. بۇ ئىشىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىلا، پاراسەتلىك قارلۇق قەبىلىسى يەنە باش كۆتۈرۈپ، بۇغرا قاراخاننىڭ قولىدىن تاجدۇبەتنى تارتىۋېلىشقا ئىمكانىيەتمۇ تۇغۇلاتتى. قانداق، بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالامسەن، ئاكا؟ — قۇماربەك كۆكۈچ كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ جاۋاب كۈتتى.
— بۇنداق پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقىنىمغا نەچچە يىل بولدى، ھەمشىرەم، بۇ ئىشنى ئورۇنلاشقا واقفىت كېتىدۇ، ئېلىكخاندىن رۇخسەت سورىمىسام بولماس، — دېدى بوزاغۇ.
— رۇخسەتنى دوقاقبەگ ئاغام ئېلىپ بېرىدۇ، يا بولمىسا ئۆزۈڭ بىۋاستە سورىساڭمۇ بولىدۇ، ئاكا.
— نېمىدەپ سورايمەن؟
— بۇ ئاسان. ئىككى - ئۈچ كۈن ئوردىغا چىقمايسەن. ئېلىكخان سورۇشتە قىلسا، دوقابەگ ئاغام سېنى كېسەل بولۇپ قاپتۇ، داۋالانمىسا بولمىغۇدەك، دەپ بىر ئايلىق رۇخسەت ئېلىپ بېرىدۇ، قوزىئوردۇغا غىپپىدە كېتىسەن. — دېگىنىڭدەك قىلاي، سىڭلىم، تولىمۇ ئەقىللىق - دە، سەن، بۇ ئىشقا ھازىردىن باشلاپ كىرىشتىم ئەمسە. — سېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، — قۇماربېكە ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۈچ كۈن ئۆتتى. ئىچى تىت - تىت بولغان قۇماربېكە ئوردىدىن كەچ قايتقان ئېرىنىڭ تونىنى سالدۇرۇۋېتىپ: — شاھىم، يانلىرىدىن ئايرىلمايدىغان جاندارلار بېشى كۆرۈنمەيدىغۇ؟ — دەپ سورىدى، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ چىرايى تاتىرىپ غەلىتە بولۇپ كەتتى. — ئەجەب ئۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ، جاندارلار بېشىنى نېمە قىلاتتىڭىز؟ بۇ چاغقىچە بىر ئېغىزمۇ قاتتىق گەپ قىلىپ باقمىغان ئېرىنىڭ بۇنداق بوزىرىپ غەزەپلەنگىنىدىن كۈندەشلىك قىلىۋاتقىنىنى بىلگەن قۇماربېكە لېۋىنى چىشلىدى. «توغرىدىن توغرا سورىغىنىم بولماپتۇ، ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدۇم، كۆڭلىنى ئېلىشىم كېرەك». — شاھىم، نېمە بولدىلا؟ نەچچە كۈندىن بېرى جاندارلار بېشى يانلىرىدا يوق. ئۆزۈمچە، بىر يەرگە ئىش بىلەن كەتكەنمىدۇ دەپ سوراپ ساپتىمەن. ئۆ باداك قورساق تومپاينى نېمە قىلاتتىم، مەندىن گۇمانلىنىۋاتامدىلايا؟ بولدى، بۇ جېنىمدىن جاق تويدۇم، بۇنداق ئاھانەتكە قېلىپ ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى ئىكەن! — قۇماربېكە چاچلىرىنى يۇلۇپ ئۆكسۈپ يىغلىدى. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قاتقان دىلى يۇمشاپ، ئۇنى باغرىغا باستى: — خاپا بولماڭ، ئېزىنچۇ خاتۇن، سىزگە زادى قىيالمايمەن.
مۇبادا ئۆلۈپ كەتسەم، كۆنداشلىقىم كېلىپ گۆرىمدىمۇ تىنچ ياتالمىغۇدەكمەن، خاپا بولماڭ، جاندارلار بېشى كېسەل بولۇپ قاپتۇ.
— شۇنداق تۈلكە مىجەز ھىيلىگەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئۆزىڭى توختاتقان، باتۇرراق سەرگەردىدىن بىرنى تاللاپ جاندار بېشى قىلىۋالسىلا بولۇپتىكەن، شاھىم.
قۇماربىكە ھەر قېتىم «شاھىم» دېگەندە، مۇھەممەد ئارسلانخان ئۆزىنى بۇغرا قاراخانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندەك ھېس قىلاتتى. شۇ دەمدىمۇ كۆڭۈل ئاسمىنىدا بىر چاقماق چېقىپ، خوتۇننىڭ قويۇق چاچلىرى يېپىپ تۇرغان گەردىنىنى سىلىدى.
— شۇنداق دېمەك مەلىكەم. قەيسەربەگ ئىنتايىن كۆيۈمچان ھەم ئەقىللىك، ساداقەتلىك بىلەن خىزمىتىمنى قىلىۋاتىدۇ، ئوردىدا ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان سەردار يوق. مەن دوقابەگكە تاپىلاپ قويدۇم، داۋالىنىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن كۈنلا يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ.
باش ۋەزىرى دوقابەگ تونۇشتۇرغاندەك، بوزاغۇنىڭ سادىق ياساۋۇلى، ئىسمىنىڭ قەيسەربەگ ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بۇ ئېلىكخان ئۇنى ئوبدانلا ماختاپ قۇماربىكەنى خوش قىلىۋەتتى. «ھە، بىلدىم، ئېرىم ئاكامنى ئۆزىگە سادىق دەپ تونۇيدىكەن. بوزاغۇ قورۇغىغا كېتىپتۇ. ئىشى ئوڭدىن كېلىپ قايتىپ كەلسە، ھەرقايسى جايلاردىكى قىساسكار قارلۇقلارنىڭ ۋە بۇغرا قاراخاندىن نارازى بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە كىرىشىمىز. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەختتىن چۈشۈشكە ئۇزاق قالمىدى…» دەپ ئويلىغان قۇماربىكە سەدەپتەك ئاپپاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجايدى.
— ئاڭلىسام، بۆرە تەگگەن ئۆزىنى «تامغاچ بۇغراخان» دەپ ئاتاپ، ئۆز ئالدىغا بولۇۋالغاندىن بۇيان، خارەزم دىيارلىرىنىڭ ئېلىكخان، ئارسلانخانلىرىمۇ قاراخانىيلار خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغانمىش. سۇلايمان ئارسلانخان بوشاڭ،
قورقۇنچاق بولغاچقا، ئۇلارغا يول قويۇپ چارە قوللانمىدى. ئەگەر سىلى بۇغرا قاراخان بولسىلا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بولۇۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايتتىلا. ئەھۋالنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ، ئېغىر - بېسىق ھالدا تەختتە ئولتۇرغان ئۇ ئاكىلىرىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويسىلا بولاتتى.
— مەلىكەم، — مۇھەممەد ئارسلانخان قۇماربىكەنىڭ شاھ قىزى ئەسلىكىنى بىلسىمۇ، شېرىن سۆزلىرى يېقىپ كەتكەن، ناز - كەرەشمىسى كۆڭلىنى ئويغاتقان چاغلاردا! «مەلىكەم» دەپ ئاتاپ ئامراقلىق قىلاتتى، — ئېيتقانلىرىڭىز راست. ئاكام ياشانغان چېغىدا ئۇلۇغ قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىشىگە يول قويدى، بۇنىڭغا ئىچىم ئېچىشىدۇ.
— بۇنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، شاھىم. سىلى ناھايىتى باتۇر، غەيرەتلىك، سەۋر - تاقەتلىك. ئەمدى سەۋر - تاقەتنىڭ ھۆزۈرلۈق كۆرسىتىپ تۇرۇپ، جاسارەت تۇلپارىغا مىنىپ جەڭگە كىرىدىغان ۋاقىتلىرى كەلدى. سۇلايمان ئارسلانخان تەختتە ئولتۇرۇۋېرىدىغان بولسا، قاراخانىيلار مەملىكىتى ئۇزاققا بارماي بەربات بولۇپ كېتىدۇ، — دېدى ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، ئارقىدىن قوشۇپ قويدى، — سىلى ئەقىللىك، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى مەندىن ئوبدانراق بىلىدىلا.
— مەلىكەم، ئەنسىرىمەڭ، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، قاراخانىيلار ئېلى بەربات بولمايدۇ.
— شاھىم، قاراخانىيلار ئېلى سىلى بىلەنلا قۇدرەت تاپىدۇ. ئوغۇللىرى ئىبراھىم تېگىنگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويسىلا، — قۇماربىكە كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، سۆزىنى بىردىن ئارزۇلۇق ئوغلىغا يۆتكىدى.
— نېمىشقا كۆڭۈل بۆلمىگۈدەكمەن؟
— كۆڭۈل بۆلمىدىلا دېمىدىم، شاھىم. بالا يىگىت بولۇپ قالدى، ئىككى خوتۇنلۇقمۇ بولدى، تېخىچە كۈنى شىكار، تاما those بىلەن ئۆتۈۋاتىدۇ، بىر مىسرا شېئىر يېزىپ باققىنى يوق. ئۇمۇ
تۇرمۇشنى چۈشەنسە، يۇرت سوراشنى ئۆگىنىۋالسا بولاتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان مەجۇن ئارىلاشتۇرۇلغان شەربەتتىن يۇتۇندى.
— ھە، بۇ گېپىڭىز ئورۇنلۇق، مەلىكەم. ئەلھال، بالىمىز بەگ ئەتكىلىرى بىلەن شىكار قىلىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. قولىدا يا بىلەن قىلىچ، كىتابقا قاراپ قويمايدۇ. سىز دېگەندەك، ئۇ يۇرت سوراشنى ئۆگىنىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى سوراشنى بىلىۋېلىشى لازىم. شۇڭا، ئىش كۆرگەن قېرىسەرنى ئۇنىڭغا يەنە بىر بەگ ئەتكىسى قىلىپ تەيىنلىمەكچى بولۇۋاتىمەن. ئوغلىمىز بەك مەغرۇر، مەيدان. سىز نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ. ئىككى خوتۇنى، چۆرىلىرى بولغاندىكىن، خەقنىڭ خوتۇن — قىزلىرىغا كۆز سالمىسۇن. بۇ توغرۇلۇق ئوردىدا مىش — مىش گەپ بەك تولا، كىمنى دورىدىكىن بۇ ئوغلۇم؟
«سىلىنى دورىغان» دەپتىكەن تاس قالغان قۇماربىكە ئاغزىنى شېشىدەك نازۇك بارماقلىرى بىلەن ئېتەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ قالغانىدى. بوزاغۇنىڭ ئوغلىغا بەگ ئەتكىسى بولىدىغانلىقىدىن ئۇ نېمىشقا سۆيۈنمىسۇن؟
قۇماربىكە بوزاغۇنى ناھايىتى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى.
قىرىق ئۈچ كۈن بولغاندا بوزاغۇ قايتىپ كېلىپ، ساقىيىپ قالغانلىقىنى، باش ۋەزىر ھەم قېيىنئاتىسى بولغان دوقاقبەگنىڭ ھەركۈنى كەچتە كېلىپ ھال سوراپ، ئېلىكخان ئالىيلىرىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ تۇرغانلىقىنى دەپ، تەخت ئالدىدا تىزلىنىپ قۇللۇق قىلدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ دېدى:
— مەن ناھايىتى خۇشال، جاندارلار بېشى، ئاللا سىزنى سالامەت قىلغاي، ئوغلۇم ئىبراھىم غېرىپ يېتىپ قالغان بولسىمۇ بەگباشلىقتىن قالمىدى. ئالدىنقى بەگ ئەتكىلىرى جەڭ
ماھارەتنى ئۆگەتكەن بىلەن، ئەدەپ - ئەخلاقنى، يۇرت سوراشنى ئۆگەتمەپتۇ. سىز كۆپنى كۆرگەن، شۇڭا ئوغلىمىزغا بەگ ئەتكىسى بولۇپ سائادەت مەنزىلىگە يېتەكلىگەيسىز!
- باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى! مانا شۇ سائەتتىن باشلاپ ئىبراھىم تېگىننىڭ بەگ ئەتكىسى بولۇپ قالغان بوزاغۇ بىر ئەڭگۈشتەر تېپىۋالغاندەك خۇش بولدى. ئۈچىنچى كۈنى ھەرەمگە ئاياغ باستى ۋە ھەمىشە سىڭلىسى بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىدىغان ئىستىراھەت ئۆيىدە قۇماربىكە بىلەن كۆرۈشتى.
- قوزغۇلاندىن كەلگىنىڭگە ئۈچ كۈن بوپتۇ، دوقابەگدىن ئۇقتۇم. ئەجەب مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارقىغا سۈردۈڭا! ئەنسىرەپ كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇم كەلمىدى، - دېدى قۇماربىكە ئورۇندۇقتەك ئەگىم قاشلىرىنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياش چىقىپ كەتتى.
- سىڭلىم، قەدىرلىك سىڭلىم، يىغلىما. مەن ئىشلارنى سەن دېگەندەك شەپىمۇ چىقارماي بېجىرىپ كەلدىم. ئەمما، ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئېلىكخاننىڭ ئەتۋارلىق خانىشى بولغان سەن بىلەن كۆرۈشۈش مەن ئۈچۈن ئۇنداق ئاسان ئەمەس. سېنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ ئايرىمىسام بولمايدۇ. مانا بۈگۈن ھۆرمەتلىك ئېرىڭنىڭ بۆرە تېگىن ئەۋەتكەن يالۋاچ بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يېنىڭغا كىرىشىم.
- سۆزلەگىن، ئېيتمىش بىلەن ئېرىنى قانداق ئۆلتۈردۈڭ؟
- كېچىدە بوغۇپ ئۆلتۈردۈم.
- بالىلىرىنچۇ؟
- ئۇلار باشقا - باشقا ئۆيلەردە يېتىپتىكەن، تويۇپ قالمىسۇن دەپ چىقىلمىدىم. ئۆيدىكى قىممەت باھالىق جاۋاھىرات، تىللا، ئالتۇنلارنى ئېلىپلا چىقىپ كەتتۇق، ھېچقانداق ئىز قالدۇرمىدۇق.
- ھەي ئېشەك، بالىلىرىنى يوقاتمىغانمۇ - دە، ئۇنداق
بولسا نېمىشقا قايتىپ كەلمەي، تۇرۇپ قالدىڭلار؟ قۇماربېكەنىڭ قاشتىپىدەك ئاق چېھرىدە ئەپسۇسلىنىش ئالامىتى پەيدا بولدى، لەۋلىرى چىشلەندى. يارۇقنىڭ بۇرادىرى ئادارنى ئۆچۈقتۇرۇۋېتىمىز، دەپ كېچىكىپ قالدىم. ئۆچۈقتۇرالمىدىڭلارمۇ؟ شۇنداق، ئۆچۈقتۇرالمىدىم، بوزاغۇ «خەپ» دېگەندەك سېرىق چاچلىق ساقىلىنى سىيپاپ قويدى، ئۆلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەتىسىلا ئاشكارا بولۇپ، قوزغۇردۇنى تىترەتكەنەتتى. ئەبۇ ھەسەن ئېلىكخان كۆتۈۋالباغلارغا يارلىق چۈشۈرۈپ، ئۆيمۇئۆي قىدىرىپ تەكشۈردى. بىزنى ئوردىدا باجگىر بەگ بولۇپ ئىشلەۋاتقان يېقىنىمىز پەرمانبەگ ئۆيىدە ساقلىدى. پەرمانبەگ؟ قۇماربېكەنىڭ ئەگىم قاشلىرى كۆتۈرۈلۈپ ئوتلۇق كۆزلىرىدىن يېشىل ئۇچقۇن چاچرىدى، ھە، بىلدىم. ئۇ بىزگە شېرىم تۇغقان، ئاتام ھايات ۋاقتىدا ئوردا غا ئەسكىرىي ياساۋۇل قىلىپ قويغانىدى. باجگىربەگ بولۇپ قاپتۇ دە، ئۇ ئىشەنچلىك ئادەم. ئۇ بەگ ئاچ كۆز ئىكەن، يارۇقنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن جاۋاھىراتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ قالدى، ئەبلەخ! بوزاغۇ ئاغزىنى بۇزدى، بېشىدىكى قارا بۆكنى ئېلىپ يېنىغا قويدى، ئۇ چاچلىرى چۈشۈپ پاينەكباش بولۇپ قالغانىدى. قويۇن يانچۇقىدىن گۆھەر كۆز قادالغان ئالتۇن زەنجىرلىك زۇننارنى ئېلىپ قۇماربېكەگە سۇندى، بۇنى ساڭا ئېلىپ كەلدىم، قالغان ئالتۇن كۈمۈشنى يوشۇرۇپ قويدۇم. ئاھ، ئەجەب چىرايلىقكىنە، ئۇ كۈلگىنىچە زۇننارنى ئېلىپ بوينىغا ئېسىۋالدى، قوزغۇردۇدىن قانداق قېچىپ چىقتىڭلار؟ سىڭلىم، تەكشۈرۈش ئاياغلاشقۇچە سىرتقا چىقالمىدۇق،
ھېلىقى شۇملارنىمۇ ئۇجۇقتۇرالمىدىم. پەيت كۈتۈپ تۇرسام، توغرائى دىۋان بېشى بەگىيۈسۈپنىڭ يارلىق ئېلىپ ئوردىدىن كەلگەنلىكى پەرمانبېگىدىن ئۇقتۇم. بېشىمغا بىر قاپاق سۇ قويۇلدى. يارۇق، ئادالارنىڭ قوراللىرىنىڭ مۇھاپىزىتى كۈچەيتىلگەنلىكىدىنمۇ خەۋەر تاپتىم. دەرھال كېتىشىمىز زۆرۈر بولۇپ قالدى. بىر بىچارە مەپىكەشگە ئەللىك تىللا بېرىپ كىرا قىلدۇق، پەرمانبېگنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئايالچە ياسىنىپ مەپىدە شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىۋالدۇق …
بوزاغۇ مەپىكەشنى ئۆلتۈرۈپ، ئەللىك تىللانى يانچۇقىدىن ئېلىۋالغانىدى، ئىككى كۈن جاڭگالدا شىكار قىلىپ ئاندىن تالاس شەھىرىگە قەدەم باسقانلىقىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى.
— ناھايىتى ئوبدان قىلىپسەن، ئاكا. ئەمدى قۇزۇردۇ، تالاس، بارسغان، سۇياب شەھەرلىرىدىكى غۇرۇرىنى يوقاتمىغان قىساسكار قارلۇقلارنى ۋە بۇغرا قاراخاندىن نارازى قەبىلە باشلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۇلايمان ئارسلانخاننى تەختتىن چۈشۈرۈشكە تەييارلىنىشىمىز كېرەك، — دېدى قۇماربېك.
— ئەلۋەتتە، شۇنداق قىلىمىز، سىڭلىم، — دېدى بوزاغۇ، — سۇلايمان ئارسلانخاننى تەختتىن قانداق چۈشۈرىمىز؟
— مۇھەممەد ئارسلانخاننى ئۇنىڭغا قارشى ئاتلاندۇرۇپ تەختتىن چۈشۈرىمىز.
— ئۇ چاغدا بۇغرا قاراخان تەختكە كىم چىقىدۇ.
— ئېرىم مۇھەممەد ئارسلانخان.
— تاجوتەخت يەنە بۇغراخان جەمەتىنىڭ قولىدا قالىدىكەنغۇ، بۇنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى؟ — ئۈمىدسىزلەنگەن بوزاغۇ ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ كەتتى.
— ئولتۇرغىن، ئاكا، — قۇماربېك ئۇنى چاپىنىنىڭ پېشىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزدى، — ئالدىرىما، گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلا. مۇھەممەد ئارسلانخاننى ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخانغا قارشى قويماي تاجوتەختنى تارتىۋالالمايمىز. تاجوتەخت مۇھەممەد
ئارسلانخاننىڭ ئېلىكىگە ئۆتتى دېگەن سۆز، قارلۇقلارنىڭ قولىغا ئۆتتى دېگەن سۆز، — قۇماربېكەنىڭ چىرايى ئاپتاپتەك نۇرلىنىپ بوزاغۇنى ھەيران قالدۇردى.
— مۇھەممەد ئارسلانخان بۇغرا قاراخان بولسا، تاجۇتەخت قانداقمۇ بىز قارلۇقلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولىدۇ؟ — بوزاغۇ گەپنىڭ تېگىگە يېتەلمەي يەنە سورىدى.
— مۇھەممەد ئارسلانخان ياشاندى. ئۇ بۇغرا قاراخان بولغاندىن كېيىن تەختنى ئوغلۇم ئىبراھىم تېگىنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، تەختكە ئوغلۇمنىڭ چىققىنى — مېنىڭ چىققىنىم، جۈملىدىن سېنىڭمۇ چىققىنىڭ.
— ئەمدى چۈشەندىم. ئەگەر بۇ ئارزۇيىمىزغا يەتسەك، مەن ئالدى بىلەن ئاتام ئېسىلغان دارغا بەگىيۈسۈپنى ئاسىمەن. خوتۇنىنى خانىشىمنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بېرىمەن، — بوزاغۇ ئورنىدىن تۇردى، — مەن چىقاي، يەنە بىرەرك ئۈستىمىزگە كىرىپ قالمىسۇن.
— شۇنى ئېسىڭدە تۇتقىنكى، يۈسۈپ بىلەن بىللە ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ دارغا ئېسىلىدۇ، — قۇماربېكە كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ ئاكىسىنى ئۇزىتىپ قويدى.
يىگىرمە يەتتىنچى باب: قانغا بويالغان دەشت
1
ھېچكىمگە يۈز - خاتىر قىلماي، ئۆز يوسۇنى بىلەن ئۆتۈۋاتقان كۈن - ئايلارنى پادىشاھ - خاقانلارمۇ، ئالىم - دانىشمەنلەرمۇ، ئەۋلىيا - ماشايىخلارمۇ ئۆز قەسىر - كەپىلىرىدە توختىتىپ قالالمايدۇ. خۇددى ۋاقىتقا ئەنە شۇنداق ئەركىنلىك، خىسلەت ۋە ھېكمەتنى بېرىۋەتكەندەك.
كۈن - ئايلارنى يۈدۈپ ماڭغان يىللار كارۋىنى ئۆمۈر مەنزىلىنى ئېتىتەك بېسىپ ئۆتۈدۇ، ۋۇجۇد دەرىخىنىڭ سارغايغان يوپراقلىرىنى بىر - بىرلەپ تۆكىدۇ. ھەرقانداق كىشى مەغرۇر ياشلىقىدا ئۆمۈرۋايەت تۇرۇۋەرمەيدۇ، قېرىلىقنىڭ جاپاسىنى تارتمايدىغان ئىنسان يوق.
بېگىيۈسۈپ بۇ يىل ئۆمۈر شوتىسىنىڭ قىرىقنچى بالدىقىغا دەسسەپ تۆۋەنگە قارىدى: ئوتتۇز ئالتىنچى بالداقتا چاي سۇنۇپ تۇرغان ئاقبىرانى، يىگىرمىنچى بالداقتا بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان بۇۋىئايشەنى، ئون ئىككىنچى بالداقتا كىتاب ئوقۇۋاتقان بەگتۈرمىشنى كۆردى. يۇقىرىغا قاراپ ئاتمىشىنچى بالداقتا غەمگە چۆككەن سۇلايمان ئارسلانخاننى، يەتتمىش ئىككىنچى بالداقتا دۇئا قىلىۋاتقان ئانىسى يابرا ئاغاچىنى كۆردى. ئۇ يۇقىرى - تۆۋەنگە قاراپ، يەنە نۇرغۇن ياش - قېرىلارنى كۆردى. بەزىلەردىن سۆيۈنۈپ ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمدى، بەزىلەردىن يىرگىنىپ ۋۇجۇدى تىكەنلەشتى، بەزىلەردىن پەخىرلەندى،
749
بەزىلەردىن نەپرەتلەندى. ئۇ ئۆمۈر دەپتىرىنى ۋاراقلاپ، تۆۋەندىكى مىسرالارغا كۆزى چۈشتى:
قوشۇلما پىتنىخورغا، بارما يېقىن، ئۇنىڭكىم، تىلىدىن چىقار ئوت - چىقىن.
جاھان پىتنىسىنى تېرىر پىتنىچى، ئۇنىڭك سەندىن كەس، ئايا مەرد - سېخى①.
يەنە بىرنەچچە ۋاراقنى ئۆرۈپ بۇ مىسرالارنى ئوقۇدى:
كىشى ئەسلىگە ئىش - ھەرىكىتى گۇۋا، ئىش - ھەرىكەت نەق بولسا، ئەسلىمۇ شۇ بولا.
كىم ئۇ ئەسلى ياخشى، ئىش - ھەرىكىتى تۈز؟ ياماننىڭ ئەسلىگە ئۆز خۇلقى گۇۋا…②
ئۇلاردا ئىشكىدىن خىيالغا چۆمۈپ چىققان بەگىيۈسۈپ بولاقبېشى مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدى. كەينىدىن قارا كۆڭلەكنى ئونىڭ بېشىغا تۇتۇپ قەدەم باسقان مۇھاپىزەتچى خادىم ئاداي «شۇنچە ئۇچۇق - يورۇق يۈرىدىغان يۇغرۇش بېشى بۈگۈن نېمە بولغاندۇ؟ ئەجەب غەمكىن كۆرۈندىغۇ، بىرەر ئىش بولدىمۇ يا؟» دەپ ئويلاپ سوراپ باقماقچى بولدى - يۇ، ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن دەپ يالتىپ قالدى.
بەگىيۈسۈپ ھىجرىيە 448 - يىلنىڭ باش ئەتىيازىدا③ بۇغرا قاراخاننىڭ پەرمانى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يۇغرۇش بېشى بولغانىدى، يۇغرۇش بېشى بولۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇلۋاھىدبەگنى كىنگىتقا ھاكىم قىلىپ ئەۋەتكەنىدى.
① ② «قۇتادغۇ بىلىك» 4212 - ، 4213 - ، 5810 - ، 5811 - بېيىتلەر. ③ مىلادىيە 1056 - يىلى 2 - ئايغا توغرا كېلىدۇ.
ئۇچرىغانلىكى ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋال سوراپ، چاقچاقلىشىپ ماڭىدىغان بەگىيۈسۈپ مۇشۇ دەم يەردىن باش كۆتۈرمەي ئېتتىك كېتىۋاتاتتى. باھارنىڭ غۇر - غۇر شامىلىدا بەقەسەم تونىنىڭ پېشلىرى قايرىلاتتى. ئوردا بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا ئاتلىق ياكى مەپىدە ماڭماي، پىيادە بېرىپ - كېلىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى. ئوردا ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تار كوچىدىن ئۆتۈپ، كۆپ باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن چۈشۈپلا بولاقبېشى مەھەللىسىگە قەدەم باستى. تال دەرەخلىرى سايە تاشلىغان چوك - چوك بولاقلار، چۆرىسىنى يېشىل لەش باسقان كىچىك - كىچىك بولاقلار ماڭدامدا بىر ئۇچرايتتى. سۆگەت شاخلىرى بىخ چىقىرىشقا باشلىغانىدى.
كەچكى شەپەق نۇرىدا ھال رەڭگە كىرىپ بۇلدۇقلاپ تۇرغان بولاق كۆزلىرىگە زېھن سېلىپ كېتىۋاتقان بەگىيۈسۈپ: «قانداق قىلىش كېرەك؟ لەشكەر تارتىپ كېلىۋاتقان مۇھەممەد ئارسلانخانغا قارشى چىقىش كېرەكمۇ ياكى سۇلايمان ئارسلانخانغا تەختنى بوشىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟ خۇدا بىزنى ئۆزۈك توغرا يولغا باشلىغىن، ئەلدە قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىشىمىزغا نېسىپ قىلغىن» دەپ كۆڭلىدە ئىلتىجا قىلغان ھالدا، قورۇسىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ، شام - چىراغلار يېقىلغان ھويلىغا كىردى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەرھابا ئاتا، — قولىدىكى قىلىچنى دەرەخكە يۆلەپ قويۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن بەگتۈرمۈش قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ ئېگىلدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم، مەدرىسىدىن قاچان كەلدىڭ؟ — بەگىيۈسۈپ ئوغلىنى باغرىغا تارتىپ بېشىنى سىلىدى.
شەمشاددەك بوي تارتىپ ئۆسۈۋاتقان بەگتۈرمۈش غولاپقالغاندەك كۆرۈنەتتى. بېشىدا بادام دوپپا، ئۈستىدە ئاق شاھى كەمزۇل، پۇتىدا سەندەل كەش بار ئىدى. قارا كۆزلىرى، ئاقۇچ
چېھرى ئاتىسىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. — ھېلى كېلىۋېدىم، سىلىنى ساقلىغاچ ھويلىدا قىلىچ ئۇرۇشنى، خەنجەر ئېتىشنى مەشىق قىلدىم. — موماڭ ئىچكىرى ھويلىدىمۇ؟ — ھەئە ئاتا، سۇتۇق بۇغرانى بېقىپ ئولتۇرىدۇ. — مەن موماڭنىڭ يېنىغا كىرەي. ئاباڭغا ئېيتىقن، تاماقنى شۇ يەرگە ئېلىپ كىرسۇن. — ماقۇل، ئاتا، — بەگتۈرمىش ھويلىنىڭ ئوڭ بۆلۈكىدىكى چەللە — باراڭلىق ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. بەگىيۈسۈپ سەيناسىغا يازلىق گۈل تېرىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان دۆل — دەرەخلىك ئىچكىرى ھويلىغا كىردى. دەرىزىدىن قاراپ، مومىسىنىڭ قۇچىقىدا تېپىرلاپ ئولتۇرغان ئوغۇل نەۋرىسىنى كۆردى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئابا، سىلىنى بۇ ئەتراپ نەۋرەم ھارغۇزۇپ قويمىغاندۇ؟ مەن ئالاي، — دېدى ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئوڭ قولىنى ئۇزارتىپ ئۆمتۈلگەن سۇتۇق بۇغرانى ئالدى. — يامان بولۇپ كېتىپتۇغۇ، ساقلىمىنى يولما، — سۇتۇق بۇغرا ساقالنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭ سەبىيلىك سېلىسگە ئېسىلدى. — ئاتا، ئات — تا … — تىلى ئەمدىلەتتىن چىقىشقا باشلىغان سۇتۇق بۇغرا بوينىنىڭ سېلىسنى تارتىپ چۇۋۇۋەتتى. — بالام، كىيىملىرىنى مەينەت قىلىپ قويمىسۇن، ماڭا بېرىسلى، — يابرا ئاغىچا ئەۋرىسىنى قۇچىقىغا ئالدى، — چۈشتىن كېيىن ئورداغا كېتىپ تۇرۇشلىرىغا بوۋىنايىشە ئېرى بىلەن كەپتىكەن. كۈيۈئوغلۇمىز تاماقنى يەپلا ساچىيە مەدرىسىگە كەتتى. — كۈيۈئوغلۇمىز كېلىپتىكەنمۇ؟ — دېدى بەگىيۈسۈپ ئويچان ھالدا، — كۆرۈشسەم بولۇپتىكەن، خەيرىيەت، يەنە پۇرسەت چىقار. بۇ كۈيۈئوغلۇمنىڭ پۈتۈن ئىشتىياقى ئاتىسىدەك ئالىپ سانغۇن بولۇشتا. قىزىم تاشقىرى ھويلىدىمۇ؟
— ئانىسىنىڭ قېشىدا تاماكقا قارىشىۋاتىدۇ، ئەنسىرىمەڭ. — كۈيۆئوغلىمىز بوۋىسى بىلەن مومىسىغا ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ بۇ بۈزرۈكۋارلىرى ئۈچۈن قورغاندا كاتتا باغ ئەھيا قىلدى، ئابا. قۇدىمىز ئادامتۇغرۇل، ئارازان ئانا قېرىغان چېغىدا ئاشۇ باغقا كۆچۈپ چىقىپ راھەتتە ئۆتۈۋاتىدۇ. سىلىنى بىر سەيلە قىلدۇرۇپ كەلگۈم بار ئىدى، ئەمما … — بەگىيۈسۈپ سۆزىنى توختىتىۋالدى. ئاندىن «شام نامىزىنى ئوقۇۋالاي» دەپ يان ئۆيگە چىقىپ كەتتى. «بالام يۈسۈپكە نېمە بولغاندۇ؟ ھەرقاچان ئوردىدىن قايتىپ كەلسە قىزىق گەپلەرنى قىلىپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈپ، ئۆي ئىچىنى خۇشاللىققا تولدۇرۇۋېتەتتى. بۈگۈن ئوماق نەۋرىسىنى ئەركىلىتىپمۇ قويمىدى، بىر ئۆيگە بولغان چىڭغى …» دەپ ئويلاپ سۇتۇق بۇغرانى كورپىدە ياتقۇزۇپ قويغان يابىرا ئاغىچا جاينامازنى سېلىپ نامازغا تۇردى. سۇتۇق بۇغرا «ئات — تا … — تا …» دېگىنىچە ئۆمىلەپ بېرىپ تېكىچكە ئېسىلىپلا قوپۇۋالدى، شام يېنىپ تۇرغان شامداننى كۆتۈرۈۋېلىپ ئويناشقىلى تۇرغاندا، بەگىيۈسۈپ كىرىپ قولىدىن ئېلىۋالدى. — يەنە شوخلۇق قىلغىلى تۇردۇڭمۇ قوزام، مومامنىڭ نامىزىنى بۇزۇۋەتەي دەپسەن — ھە؟! بەگىيۈسۈپ ئۇنى كۆتۈرۈۋالدى. ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر، بەخت — سائادەت تىلەپ دۇئا قىلغان ئانا: — بالام، كۆڭۈللىرى ئارامدا ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟ غەمكىن كۆرۈنىدىلا، چىرايلىرىمۇ تۇتۇلۇپ قاپتۇ، — دېدى زەھن سېلىپ قاراپ. بەگىيۈسۈپ ئانىسىنىڭ ئالدىدا يۈكۈندى. — يىقىن ئوغۇللىرى يۇغروش بېشى بولغان بۇ ئىككى يىلدىن بېرى مەملىكىتىمىز تىنچ كېلىۋاتاتتى، ئابا. ھېچ كۈتمىگەندە مۇھەممەد ئارسلانخان بويۇنتاۋلىق قىلىپ، بۇغرا قاراخانلىق تەختىنى تارتىپلىش ئۈچۈن، ئون تۈمەن لەشكەرنى باشلاپ
ئوردۇكەنتكە كېلىپتۇ، بۇ خەۋەرنى چۈشتىن كېيىن ئوردىغا بېرىشىمغا، ئۈچتە تۇرۇشلۇق لەشكەرلىرىمىزنىڭ سۇبېشى جەۋلانبەگ يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بەدەھشارت داۋىنىدىن ئېشىپ چۈشكەن مۇھەممەد ئارسلانخان لەشكىرى بىلەن ئۈچ شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزىگە بەيئەت قىلغانلارنى ئامان قالدۇرۇپ، بەيئەت قىلمىغانلارنى قىرغىن قىپتۇ. جەۋلانبەگ سانغۇن ئازغىنا سىپاھىلىرى بىلەن قېچىپ ئوردۇكەنتكە كېلىپتۇ. بۇغرا قاراخان ئىنىسىنىڭ بۇ ئاسىيلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دەرھال تايانچۇلار ھەم دىۋانى ئارىزلارنى كېڭەشنى چاقىردى. مەن شۇ كېڭەشتىن كېلىشىم، شۇڭا كېچىكتىم، ئاپا. بۇغرا قاراخاننىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئېلىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، يەلكىمگە تاغ يىقىلدى. مەن قانداقمۇ ئارامخۇدا ئولتۇرالاي!
— «يېغا كەلسە ياندىن، بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەن شۇ — دە. مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئاكىسىغا قول كۆتۈرگىنى — ئېلىگە مۇشت ئاتقىنى ئەمەسمۇ، بالام. خۇدايىم بۇغرا قاراخانىمىزغا كۈچ — قۇدرەت، خەلققە ئامانلىق ئاتا قىلغاي.
يابىرا ئاغىچا كۆز يېشى قىلىپ، سۇلايمان ئارسلانخان قوزغۇلىڭىدا بۇغرا قاراخان بولۇپ بارغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىدى: ئۇ چاغدا رەيھاندىنبەگ بار ئىدى. كېيىن قېيىنئاتا، قېيىنئانىسى، ئاندىن ئاتىسى، ئانىسى ئارقا — ئارقىدىن ۋاپات بولدى. ياتلىق قىلغان قىزلىرى بالىلىق بولدى. يىللار تېز ئۆتمەكتە، ئەل ئامان ياشماقتا ئىدى. رەيھاندىنبەگ ئۇشتۇمتۇت ئالەمدىن ئۆتكەندە، چىرايىغا تۈزۈك قورۇق چۈشمىگەن يابىرانىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتتى. بەگتۈرمىش تۇغۇلۇپ بېقىۋېلىپ ئوغۇللۇق بولدى. يابىرا ئاغىچا چوك ئوغلى قايتا تۆرەلگەندەك شادلىققا چۆمدى. شادلىقنىڭ قايغۇسى، ۋىسالنىڭ ھىجرانى بار دېگەندەك، ئىنسابتىن چىققان بويانقارنىڭ جەسەتلىك سىر دەرياسىدىن سۆزۈۋېلىندى. ئايسىلىگ يەتتە بالىسى
بىلەن تۇل قالدى. بۆرە تەگگەن ئۆزىنى «تامغاچ بۇغراخان» دەپ ئاتاپ، غەربىي قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇغرا قاراخاننىڭ قەشقەرگە يۆتكىلىشى بىلەن ئۇلارمۇ قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىشتى. يارۇق، ئايتمىشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، كۆز يېشى ئەمدىلا توختىغان يابرانى يەنە قايغۇغا غەرق قىلىۋەتتى. بۇۋىئايىشە ئېلىپبەگە ياتلىق بولغاندىن كېيىنمۇ كۆز يېشى توختىمىدى. قىز ئەۋرىسى نادىرە، ئوغۇل ئەۋرىسى جانىبىدا تۇغۇلۇپ ئاندىن كۆز يېشى توختىدى. سۇتۇق بۇغرا تۇغۇلغاندا كېلىنى ئاقبىرانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «قىزىم، ئوغۇل نەۋرەم تاق بولسىمۇ، ئوغۇل ئەۋرەم قوش بولدى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش. ئىلاھىم بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەي» دەپ دۇئا قىلدى. تۇغۇتلۇق ياتقان نەۋرىسى بۇۋىئايىشەگە ئالتۇن بىلەزۈكنى، كۈيۆئوغلى ئېلىپبەگە مەرھۇم ئېرىنىڭ كۈمۈش ساپلىق خەنجىرىنى تەقدىم قىلدى. يىللار ئۆتمەكتە، ھايات شۇنداق داۋام قىلماقتا ئىدى …
يابرا ئاغزىچە خىيالچان نەزىرىنى سۇتۇق بۇغرادىن يۈسۈپكە يۆتكىدى.
— كېڭەشتە نېمە گەپ — سۆزلەر بولۇندى، بالام؟
— بولۇنغان گەپ — سۆزلەر ناھايىتى كۆپ، ئاپا، — يۈسۈپ ھە دەپ مومىسىنىڭ رومىلىغا ئېسىلىپ قوپماقچى بولغان سۇتۇق بۇغرانىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — بەزى يوغۇروش، ھاجىپ، سۇباشلار: بىز ئاق كۆڭۈل، خەلقپەرۋەر بۇغرا قاراخانىمىزنى ھىمايە قىلىمىز، ئەمرىگە بويسۇنىمىز، تاجوۋتەختنى مۇھەممەد ئارسلانخانغا تارتىقۇزۇپ قويمايمىز، ئۇنىڭ بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمىز، دېيىشتى. بەزىلىرى: تاجوۋتەختنى دەپ قان تۆكۈش گۇناھ! مۇھەممەد ئارسلانخان بىلەن جەڭ قىلىش ئورنىغا سۆھبەتلىشىپ يارىشىپ ئۆتەيلى، دېيىشتى. يەنە بەزى دۆلەت ئەربابلىرى: مۇھەممەد ئارسلانخان ئون تۈمەن لەشكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ،
755
ھازىر ئوردىدە نەتتە ئاران ئۈچ تۈمەنلا سىپاھ بار، باشقا جايلاردىن سىپاھ يۆتكەپ كېلىشكە ئۈلگۈرەلمەيمىز. بۇنى بۇغرا قاراخانىمىز ئويلاپ كۆرۈپ ئاندىن پەرمان چۈشۈرسە، دېيىشتى. بۇ دېگەنلىك — بۇغرا قاراخان تاجوۋەتنى مۇھەممەد ئارسلانخانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، دېگەنلىك ئىدى. باشقا كۈن چۈشكەندە دوست — دۈشمەننى ھەقىقىي پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. بۇغرا قاراخانىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۇنىڭ دوست — دۈشمەنلىرى ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. مەن ئادەملەر توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، ئابا.
يابىرا ئاغىچا ئوغلىغا قاراپ كېتىپ ئۇھ تارتتى:
— رەھمەتلىك ئاتاڭلارمۇ ھەر قېتىم بىر مۈشكۈللۈككە دۇچ كەلگەندە، ئادەملەر توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، دەيتتى. ئۆمرۈننىڭ ئاخىرىغىچە ئادەملەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى يېڭىلىنىۋەردى، ئەمما بىر خۇلاسىگە كېلەلمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئادەمنىڭ مۆجىزىسى ئىچىدە، چۈشەنمەك راستلا تەس.
يۈسۈپ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئانىسىنىڭ قورۇق باسقان يۈزىگە سىرغىپ چۈشكەن ياشنى قولى بىلەن ئېرتىپ دېدى:
— دېگەنلىرى راست، ئابا، ئادەمنى بىلمەك ئالەمنى بىلمەكتىنمۇ تەس. بىراق، بىر ئۇسۇل باركى، ئۇنىڭ بىلەن ئادەمنى بىلىش، چۈشىنىش، باھا بېرىش مۇمكىن. ماڭا بۇ ئۇسۇلنى ئادەملەرنىڭ ئۆزى ئۆگەتتى، — يۈسۈپ قىتقىراپ يىغلىغان سۇتۇق بۇغرانى بەزلىدى، — قورسىقىڭ ئاچتىمۇ — ھە قوزام، سەل چىدا. قارا، ئاكاڭ كىردى، — ئۇ ئىشىكتىن كىرگەن بەگتۈرمىشقا سۇتۇق بۇغرانى بەردى، — بالام، ئۆكاڭنى ئانىسىغا ئاچىقىپ بەرگىن، — ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئابا، مەن دېگەن ئۇسۇل ئادەملەرنىڭ سۆزىگە، سالاپىتىگە ئەمەس، ھەرىكىتىگە قاراشتىن ئىبارەت.
— توغرا دەيسەن، بالام. ئاللاتائالا بەندىلىرىنى توۋا قىلىشقا،
راستچىل، سەمىمىي بولۇشقا، پىكىر قىلىپ توغرا يولدا مېڭىشقا ئۈندىگەن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەسيدىن ئاگاھلاندۇرغان.
— شۇنداق، ئابا. ئەمەل — ھەرىكەت ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى، قانداق نىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەينەك. زالىملار ياۋۇزلۇقىنى چىرايلىق سۆز، يالغان كۈلكىسى بىلەن يوشۇرىدۇ. ئاسىيلار ئۆزىنىڭ مۇناپىقلىقىنى ھەمىشە ساداقەتنى پېش قىلىش، قولتۇققا كىرىۋېلىش بىلەن يوشۇرىدۇ. بۇنى بىر قاراپلا بىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇزاق ۋاقىت ئەستايىدىل كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي — پىكىرلىرى ئەقىلنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى قاتلىمىغا يوشۇرۇنۇق. ھالقىلىق پەيتلەردە، پايدا — زىيان توقۇنۇشى يۈز بەرگەندە ئەقىلنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قاتلىمىدىكى نىيەت ئاشكارىلىنىدۇ. مانا بۈگۈن بۇغرا قاراخان ۋە پۈتۈن ئېلىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈۋىدى، ساداقەتمەنلىرىڭمۇ، ئاسىي — مۇناپىقلىرىڭمۇ نىيىتى ئاشكارىلاندى.
— بۇغرا قاراخان بۇنى بىلگەنمىدۇ، ئۇ قانداق قارار چىقاردى، بالام؟ — سورىدى ئەل غېمىدە قالغان يابغۇ ئاغىچا بېلىگۈسى كېلىپ.
— بۇغرا قاراخان، قارارىمنى ئەتە ئاڭلاڭلار، — دەپ تەختتىن چۈشۈپ، ھېچكىمگە قارىماي چىقىپ كەتتى. بۇرۇن بىلمىگەن بولسىمۇ، بۇ كېچىشتە ئۆز يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ نىيەت — مۇددىئاسىنى، قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىرئاز چۈشەندى، دەپ قارايمەن. قارىغاندا، تاجوۋەتنى ئىنىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىغا كەلگەندەك قىلىدۇ، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشىنى خالىمىغانلىقىدىن شۇنداق قارارغا كېلىشى مۇمكىن. بۇغرا قاراخانىمىز ھازىر ئېغىر بېسىم ئاستىدا، تەھلىكىدە قالدى.
— بالام، سىلى نېمە دېدىلە؟
— مەن، بۇغرا قاراخانىمىز ئادىل ۋە ئىنسابلىق پادشاھ،
ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ ساداقەتمەن دوستى، دىننىڭ تەقۋا تەرغىباتچىسى، قوغدىغۇچىسى، مەرد - سېخىي، دانا پادىشاھ. مەملىكىتىمىز ئۇنىڭ ئادالىتىدە روناق تاپتى، ھەر قايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقلاشتى. بىز ئۇنىڭغا سەمىمىي - سادىق بولۇپ، ئوردىدىكى ئەر - ئايال، چوڭ - كىچىك ھەممىمىز ئاستانىنى، سۇلايمان ئارسلانخاننى قوغداشقا، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇشقا پىداكارلىق كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر، دېدىم.
- ئوبدان دەپسىز، بالام، - يابغۇ ئاغزىچە داستىخان كۆتۈرۈپ كىرگەن كېلىننى، نەۋرىسىنى كۆرۈپ سۆزىنى توختىتۇالدى. ئاقبىرا مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن يۈسۈپكە تىكىلىپ، ئۈنسىز سالام بەردى. سۇتۇق بۇغرانى كۆتۈرۈۋالغان بۆشۈكئايىشە:
- ئەسسالام ئاتا، بۈگۈن ئوردىدىن ئەجەب كەش قايتتىڭغۇ، يوللىرىڭغا قاراپ كۆزۈم تۆت بولدى. سىلىنى بەك سېغىنىپ كەتكەندىم، ئاتا، سىلىمۇ نەۋرىلىرىنى سېغىنغانلا؟ - دەپ كەلگىنىچە سۇتۇق بۇغرانى تۇتقۇزۇپ قويۇپ يېنىدا ئولتۇردى.
- سېغىندىم، سېغىنمامدىغان قىزىم، بالىسىنى سېغىنمايدىغان ئاتا دۇنيادا يوق. نادىرە، جانىپدا غوجام بالامنىمۇ شۇنداق كۆرگۈم كەلدى. يۈسۈپ سۇتۇق بۇغرانى يېنىشلاپ سۆيۈپ گەپ باشلاي دەپ تۇرۇۋاتقاندا، بەگتۈرمۈش، نادىرە، جانىپدا غوجام كىرىپ، داستىخاننى چۆرىدەپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇشتى. بەگتۈرمۈش سۆيۈنۈپ خوشال - خۇرام ئولتۇرۇشقان خوتۇنى، قىزى، ئوغلى، نەۋرىلىرىگە قاراپ «مۇشۇ تاپتا تۆمەنلىكتىن ئائىلىلەردە ئاتا - ئانىلار بالىئاقىلىرى بىلەن خۇددى مانا شۇنداق خۇرسەن ئولتۇرۇشقاندۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئارامى بۇزۇلمىسا بولاتتى. مۇھەممەد ئارسلانخان باستۇرۇپ كەلسە ئۇلار نېمە كۈنگە قالار؟…» دەپ ئويلاپ گېپى غىققىدە بولدى. داستىخانغا قويۇلغان مەزە - گۆشلەرگە ئېغىز تەگمەي چايلا
ئۆچتى.
نەۋرىلىرى كەلسە مەمنۇن بولىدىغان مەسەل - چۆچەكلەرنى ئېيتىپ، ھەممىلەنگە كۈلدۈرۈپ ئولتۇرىدىغان ئېرىنىڭ شۈكلىشىپ قالغىنىغا ئاقبىرا چىدىماي دېدى:
- نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلا بېگىم؟ سىلىنى دەپ قىزىم بالىلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە خوشال ئولتۇرسىلىچۇ، نېمە بولدى سىلىگە؟
يۈسۈپ جاۋاب بەرمەي خوتۇنىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ئەمما چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرمىدى، نەۋرىلىرىنى ئەركىلىتىپ قويۇپ جىمىپ قالدى.
مەيۈسلىنىپ قالغان ئاقبىرا ئاشخانىغا چىقىپ، ئۆزى راسلىغان لەڭمەننى ئېلىپ كىردى.
يۈسۈپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئاشنىمۇ تۈزۈك يېمىدى. ئەل غېمى، جەڭ ۋەھىمىسى بىلەن بىئارام بولۇۋاتقان يۈسۈپنىڭ كۆڭلى تارتىمىدى.
- ئوردىدا تاماق يەپ كەلگەندىم، - دەپ قويدى.
يابرا ئانلا ئوغلىنىڭ نېمە ئۈچۈن تاماق يېمىگەنلىكىنى بىلەتتى. ئونىڭ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلغۇسى يوق ئىدى.
داستىخان يىغىلدى. چوڭلار خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇۋالدى. قېيىنئانىسى، بالا - نەۋرىلىرى ئۆز خانىلىرىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاقبىرا ئېرى بىلەن ئۆز ھۇجرىسىغا كىردى. ھەممىشە خوشبۇي كېلىپ تۇرىدىغان راھەتبەخش بۇ ئۆيمۇ يۈسۈپنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىيالمىدى. زوۋان سۈرمەي جىممىدە يېتىۋالدى. يوتقانغا كىرگەن ئاقبىرا ئېرىنىڭ ئۈچىسىنى سىلىدى.
- يۇغرۇش بېشى، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى ئۆزلىرىنى
① لەڭمەن - قەدىمكى ئۇيغۇر تائامى. قاراخانىيلار دەۋرىدە، ئۇيغۇرلار بۇ ئاشنى دەريا دولقۇنىغا ئوخشىتىپ «لەڭمەن» دەپ ئاتىغان.
ئوردىغا دەرھال كەلسۇن، دەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دېگەن ئاداينىڭ ئاۋازى قۇلىقىغا كىرگەن بەگىيۈسۈپ ئۆندەرەپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ كەمزۇل تونىنىڭ ئورنىغا دۇبۇلغا ساۋۇت كىيىپ قىلىچىنى ئاستى، قولىغا شەھەرنى ئالدى. ئانىسى، ئەتەڭگىچە كېلەلمەسلىكىم مۇمكىن، ئابامغا، بالىلارغا ئوبدان قاراق، دەپ ئۆيدىن چىقىشقا چىققان چىقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يۈزىگە سوغۇق شامال ئۇرۇلدى.
2
يېرىم كېچە بولۇپ قالغانىدى. شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئارامگاھ ساراينىڭ دېرىزىلىرىگە تاراسلاپ ئۇرۇلاتتى. ئوردىدىن ھەرەمگە قايتماي ئۇدۇل مۇشۇ سارايغا كەلگەن سۇلايمان ئارسلانخان گىلەم ئۈستىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. روھى چۈشۈپ، كۆزلىرى ئۆلتۈرۈشۈپ كەتكەندى. «ئادەرىخا، مەن ئىنىم مۇھەممەد ئارسلانخانغا نېمە يامانلىق قىلدىم ھە! ئۇنى ھۆرمەتلىپ، ئورنىنى كۆتۈرۈپ كەلگەندىمغۇ. لەشكەر تارتىپ ئۈستۈمگە باستۇرۇپ كەلگىنىدە قارا نىيەت بار، ئۇنى ئازدۇرغان ئادەممۇ بار! قارىشلاشسام قان تۆكۈلىدۇ، يۇرت ۋەيران بولىدۇ. قاراپ تۇرۇپ شۇنداق بولۇشقا يول قويسام ئاللا ئالدىدا گۇناھكار بولمامدىمەن؟ … ماڭا جېنىمىز بولسا بىرىمۇ ئايىمايمىز، دەپ مەيدىسىگە ئۇرغان بىرنەچچە ھاجىپ، يۇغرۇش، سۇباشلار تۈنۈگۈنكى كېڭەشتە تەختنى بوشىتىپ بېرىشىمنى سايە قىلىشتى، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئون تۈمەن لەشكەر بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ مېنى قورقۇتماقچى بولۇشتى. لەنەت ئۇلارغا! قورقۇپ ئەمەس، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەختنى بوشىتىپ بېرىش قارارىغا كەلگىنىمنى بىلدۈرسمۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغان خۇلاسىگە كېلىدۇ. بەگىيۈسۈپلا مېنى
چۈشىنىدۇ. تەختنى بوشىتىپ بېرىشىمگە ئۇنىڭمۇ قوشۇلمايدىغانلىقى تۈنۈگۈنكى كېڭەشتە ئايان بولدى. كەلسە، نېمىدەپ مەسلىھەت بېرىدۇ، ئاڭلاپ ئاندىن بىر قارارغا كېلەي…»
ئۇ تەختتىن چۈشۈپ، ئىشىك يېنىغا بېرىپ، يەنە ئارقىسىغا ياندى. كۈچىيىۋاتقان شامال يامغۇر تامچىلىرىنى دەرىزىگە تاراسلىتىپ ئۇرۇاتتى. ئىشىكئاغىسى قولۇنبەگ ئاستا كىرىپ، بىر قانچە يۇغرۇش، سۇباشى، سانغۇنلارنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
— كۈتۈپ تۇرسۇن، — دېدى سۇلايمان ئارسلانخان ئۇلارنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى دەپ، كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ.
«كەلگەنلەر كىملەردۇ؟ مېنى قورقۇتۇپ تەختنى تېزرەك بوشىتىپ بېرىشىمگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەنمىدۇ؟ يا تەسەللى بېرىپ مېنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ ئالداش ئۈچۈن كەلگەنمىدۇ؟ زادى نېمە مۇددىئا — مەقسەت بىلەن كەلگەندۇ؟…» ئىشىكئاغىسى قولۇنبەگ يەنە كىردى:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، يۇغرۇش بېشى كەلدى.
— كىرسۇن.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى. چاقىرتقان ئىكەنلا، ھۇزۇرى ئالىيلىرىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى مالال قىلمىغاندىمەن؟
— يوقسۇ، يوقسۇ، يۇغرۇش باشى. بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتقان چاغدا، سىزدەك سەمىمىي — ساداقەتمەن بىر ئادەمنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى خالاپ چاقىرتقانىدۇم، ئولتۇرۇڭ.
بېگىسۇپ كۆرستە ئولتۇردى.
— ئالىيلىرى، تېخىچە ئۇخلىماپتىلا، ئويقۇ — تائاملار ئىچىدە ئېغىز بىلەن يېيىلمەيدىغان، تەن ھەممە تەرەپتىن قوبۇل قىلىدىغان ئەڭ شېرىن تائام. باشقا تائاملارنى يېمىسىمۇ ئادەم ئۆرى
بولالايدۇ. ئەمما، ئۇيقۇدىن ئىبارەت بۇ لەززەت تائامنى يېمەي تۇرە بولالمايدۇ. كىچىككىنە ئۇخلىۋالغان بولسىلا. — يوغروش بېشى، مېنىڭ قىلىچ يالىڭاچلاپ نەچچە تۈمەن لەشكەر بىلەن ئۈستۈمگە باستۇرۇپ كېلىۋاتقاندا قانداقمۇ ئۇيقۇم كەلسۇن؟ ئۇنداق بولسا بىر قارارغا كەلدىڭىزمۇ، ئالىيلىرى؟ — بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن قوپۇپ سورىدى. — ئۆلتۈرۈش، يوغروش بېشى، — بەگىيۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۇلايمان ئارسلانخان جاۋاب بەردى، — مەن بىر قارارغا كەلدىم. — ئاڭلاشقا تەقەززامەن، ئالىيلىرى، — بەگىيۈسۈپ قول قوۋۇشتۇردى. — مەملىكەتنىڭ قانغا غەرق بولماسلىقى ئۈچۈن، تاجدۇتەختىمنى ئىنىم مۇھەممەد ئارسلانخانغا بوشىتىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم، يوغروش بېشى. — بۇ قارارنى ئەھلى ۋەتەن قوللىمايدۇ، ئالىيلىرى. — نېمىشقا؟ — بىر ئىشرەتخور نامەردنىڭ قولىدا ئازابلىنىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن. — مېنىڭ ئىنىم نامەرد ئەمەس، ئالىپ سەركەردە، ئارسلانخان، — ئاچچىقلانغىنىدىن بۇغرا قاراخان تەختتىن تۇرۇپ كەتتى. — ئالىيلىرىدەك خەلقنىڭ دوستى، ئادالەتنىڭ ھامىيسى بولغان پەزىلەتلىك خاقان ئاكىسىغا قىلىچ كۆتۈرگىنى ئۈچۈن ئەھلى ۋەتەن ئۇنى نامەرد ھېسابلايدۇ. سۇلايمان ئارسلانخان تەختتىن چۈشۈپ بەگىيۈسۈپنىڭ ئۇدۇلىدا توختىدى. — دېمەك، بۇ قارارىمنى ئاقلانه ئەمەس، دەپ بىلەمسىز؟ — شۇنداق ئالىيلىرى، بۇ قارار باھادىر بۇغرا قاراخاننىڭ
قارارى بولماي قاپتۇ، ئەلىنىڭ كۈتكىنى بۇ ئەمەس ئىدى.
سۇلايمان ئارسلانخان قولىنى بېلىدىكى ئالتۇن كەمەرگە ئارتىپ بىردەم توختىۋالدى.
— ھە، بىلدىم. سىز شۇنچە نۇرغۇن لەشكەر باشلاپ كەلگەن ئېلىم بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن، دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيىپ كەلگەن ئىكەنسىز - دە؟
— شۇنداق، ئالىيلىرى، تاجاۋۇزچىلارنى تارتىقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن.
سۇلايمان ئارسلانخان تەختكە چىقىپ ئولتۇردى.
— ئولتۇرۇڭ، يۇغرۇش بېشى.
— ئالىيلىرى، قارارلىرىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئولتۇرۇش يىقىر ئۈچۈن نومۇس!
— بۇ نېمە دېگىنىڭىز، يۇغرۇش بېشى؟ — تاتىرىپ كەتكەن سۇلايمان ئارسلانخان چاچراپ قوپتى.
بېگىسۇپ ئونىڭغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن تەخت ئالدىغا كەلدى، يەكتەس بولۇپ، قوللىرىنى كۆكسىگە ئالدى.
— ئالىيلىرى، بۇ شۇنداق دېگىنىمكى: مەملىكەتنى بىر نائىنساب زالىم ئىدارە قىلسا، باج، ئالۋان - ياساقنى يىلسېرى كۆپەيتىپ، خەلقنى نامراتلاشتۇرۇۋەتسىمۇ ۋە ھەمىشە تەلۋىلىك بىلەن ئۆزى نەپ ئالىدىغان، كۆپكە زىيىنى تېگىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئاۋامنى مەجبۇرلايدۇ. راست گەپ قىلماي، ئۆزىنى ئاقىل، دانا كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى قارغۇلارچە چوقۇنۇشقا زورلايدۇ. نەتىجىدە، مەملىكەت پۇقرالىرىنى قورقۇتۇپ، بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، بىر - بىرى بىلەن ئۆچەكىشىدىغان، خۇشامەتچى، كاززاپ، يۈرەكسىز قىلىۋېتىدۇ. ئاياللارنى داپشاق، ئەرلەرنى قاششاق نادانلارغا، بېيىغانلارنى بېخىلغا، يوقسۇللارنى تەمەخور، قورقۇنچاققا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇ تارىختا تەكرارلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ساۋاق! تاجاۋۇزچىلارنى دۈشمەنگە تاشلاپ بەرسەك، خەلقنىڭ ئۈمىد - ئىشەنچىنى يەرگە
ئۇرغان، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدۇلا؟ سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ بېشى چۆشۈپ كەتتى. ئىشىكئاغىسى يەنە كىرىپ: — بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، دىۋانخانىدا كۈتۈپ تۇرغانلار، ئۆزلىرىنىڭ تېزىرەك قوبۇل قىلىشىنى بەجاندىل ئۆتۈنۈۋاتىدۇ، — دېدى تېز چۆكۈپ. — نېمە! دىۋانخانىدىكى كىم ئىكەن ئۇلار؟ — سۇلايمان ئارسلانخان ئاقارغان چىرايىنى چاڭگاللاپ سورىدى. ئىشىكئاغىسى ئورنىغا بەگىيۈسۈپ جاۋاب بەردى: — ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد بارسغانى، شەيخۇلىسلام نۇرىدىن داموللاھاجى، دىۋانبېگى ئىناپچۇق تېگىن، ئوردا بېگى بەگتۇتۇق، ساچىيە مەدرىسىنىڭ باش مۇدەررىسى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ كاشغەرىي، سۇباشى تۆمۈربۇقا نەسىردىن، دەم ئېلىشقا چىققان چاغىربەگ ئادامتۇغرۇل، جاندارلار بېشى ئۆتمۈش سانغۇن قاتارلىق خانلىق ۋە جامائەت ئەربابلىرى، خاقانىم. — سىزمۇ بىلىدىكەنسىزغۇ، ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى نېمىشقا بۇرۇنراق ئېيتمىدىڭىز؟ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ سۆزلەڭ. بەگىيۈسۈپ يەكتەك بولغىنىچە ئورنىدىن تۇرماستىن جاۋاب بەردى: — قارارلىرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كەلگىنىدىن خەۋەرلەندۈرمەكچى ئىدىم. — ھەم … مەن قارارىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەكمۇ زادى؟! — سۇلايمان ئارسلانخان يامغۇر تامچىلىرى تاراھلاپ ئۇرۇلۇۋاتقان دېرىزە يېنىغا يېقىنلاپ بىر پەس تۇرۇپ قالدى. چىرايىدىكى تومۇر كۆپۈپ چىقتى. بەگىيۈسۈپ قەتئىي ھالدا دېدى: — ئۆزگەرتىش كېرەكلا ئەمەس، ئىنتايىن زۆرۈر، ئالىيلىرى. — خوش، مەن قارارىمنى قارشى تۇرۇشقا، جەڭ قىلىشقا ئۆزگەرتسەم، ئاقىۋىتى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنسىچۇ؟ —
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ چىرايى ھەسرەتلىك تۇس ئالدى. — تاجاۋۇزچىنى ئىككى قوللاپ رەقىبگە تۇتۇپ بېرىپ خورلانغاندىن مىڭ ياخشى، ئالىيلىرى. ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنىڭ كۈچىنى پەقەت قارشىلىق قىلىش، قۇربان بېرىش بىلەنلا نامايان قىلغىلى، ئەۋلادلارغا ئۈلگە تىكلىگىلى بولىدۇ. — ئۇنداق بولسا ئۇلارنى چاقىرىڭ، مەن قارارىمنى ئۆزگەرتتىم! — دېدى ئېغىر يۈكنى يەلكىسىدىن ئىرغىتىپ تاشلىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالغان سۇلايمان ئارسلانخان. يۈسۈپ ئىتتىك چىقىپ ئۇلارنى باشلاپ كىردى. — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، ئامان بولغايلا. — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، — سۇلايمان ئارسلانخان ئادەتنى بۇزۇپ بىر - بىرلەپ قول بېرىپ كۆرۈشتى، — ئولتۇرۇڭلار تەقسىرلەر. — ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىشقا تەييارمىز، ئالىيلىرى! — ھەممىدىن تەختنىڭ ئىككى يېنىدىكى كۇرسىلاردىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار ئىچىدە چاغىربەگ ئادامتۇغرۇل بىلەن سۇباشى تۆمۈربۇقا نەسىردىننىڭ يېشى سەكسەندىن ئاشقان بولۇپ، چاچ - ساقاللىرى ئۈچتەك ئاقىرىپ كەتكەنىدى. مەۋلانا ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ سەكسەنگە يېقىنلىشىپ قالغان، چاچ - ساقاللىرىغا ئاق سانجىلغان بولسىمۇ، ئۆزى ناھايىتى تېمەن ئىدى. ئۇ بۇرادىرى شەيخۇلىسلامدىن كېيىنرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بۇغرا قاراخانغا مەدەت بەرمەكچى بولغاندەك كۆزلىرىنى تىكتى. سۇلايمان ئارسلانخان تەختكە چىقىپ ئۆرە تۇرغىنىچە قارارىنى ئېلان قىلدى: — تالاس، ئىسپىجاب دىيارىنىڭ ئېلىكخانى مۇھەممەد ئارسلانخان ئون تۈمەن لەشكەر بىلەن ئوردۇكەنتكە باستۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ. مەن قاراخانىيلار ئېلىنىڭ بۇغرا قاراخانى ساداقەتمەن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ،
ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش قارارىغا كەلدىم! — بۇغرا خانىمىزنىڭ قارارى دانادۇر! — ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن جېنىمىز پىدا! — قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تاجاۋۇزچىنى جان تىكىپ قوغدايمىز! — دەپ گۆرۈلدەپ كەتتى ۋەزىر-ۋۇزۇرالار. — بۇ زۇلمەتلىك كېچىدە شېرىن ئۇيقۇدىن كېچىپ ماڭا ھەمنەپەس بولغىلى كەلگەنلەر كېڭەشتە مېنى ۋە تاجاۋۇزچىنى قوغداش ئۈچۈن قەسەمياد قىلغانلار ئىكەن. تاجاۋۇزچىتىن ئۆچ كېچىشكە ئۇنىڭدىن يەنىلا بىرسىمۇ كەلمەپتۇ. بەلكىم چۈشىدە مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىۋاتقاندۇ. مەن قارارىمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاسىلىق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلارنى زىندانغا تاشلاشنى يوغروش باشقا بۇيرۇيمەن. — باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى! — بەگىيۈسۈپ ئورنىدىن تۇردى، — ئەمىرلىرىنى دەرھال ئادا قىلىمەن! — بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، — دېدى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، — ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى قوغداپ جەڭ قىلىش — بىھۇدە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. جەڭدە كۆپ قان تۆكۈلىدۇ، جەڭ ئاخىرلاشسا قان تۆكۈلۈشمۇ توختايدۇ. ھالبۇكى، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەقىپ قىلىنغان مەملىكەتتە ھەر سائەت، ھەر كۈن قان تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. مەن بارلىق شاگىرتلىرىم بىلەن سىزگە نۆكەر بولۇپ، ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى قوغدىغۇچى جەڭگە ئاتلانماقچىمەن. مەغلۇپ بولساقمۇ ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى قوغدىغۇچى پىداكارلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، غەلىبە قىلغان دۈشمەنلىرىمىزنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان قىلىپ قويىمىز. — بۈگۈن بىلگە ھەزرەتلىرىنىڭ سۆزى بەرھەق، مەن ئودۇن
شاھلىرىنى يوقىتىش جېڭىگە قاتناشقان. ئالىيلىرىدەك ئادىل شاھنى قوغداشقا بۇ قېرى جېنىمنى تىكىپ قويدۇم، — ساۋۇت — دۇبۇلغا كىيگەن تۆمۈربۇقا نەسىردىن گۈرزىنى چىڭ تۇتۇپ بۇغرا قاراخانغا ساداقىتىنى بىلدۈردى.
— يېقىن مەرھۇم ئاتىلىرى مەلكۈل مەشرىقنىڭ مۈشۈكى مەن، بىللە جەڭ قىلىپ سامانىيلار شاھى مەئمۇن سۇلتاننى ئەسىر ئالغان چاغرىبېگى مەن، ھېلىمۇ جەڭ قىلىپ مۇھەممەد ئارسلانخانغا ئۆزۈمنى تونۇتۇپ قويالايمەن، — ئادامتۇغرۇل ئالدىغا بىر قەدەم چامداپ، بۇغرا قاراخانغا باش ئەگدى.
ئۇلۇغ ھاجىپ مۇھەممەد بارسغانى تەزىم قىلىپ دېدى:
— ئالىيلىرى، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پادشاھنىڭ ئىككى قانىتى. بۇ قاناتتىن ئايرىلغان پادشاھ خەلقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، خەلقتىن ئايرىلغان پادشاھ جاندىنمۇ ئايرىلىدۇ. ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى قوغداشتا بىز سىلى بىلەن بىللە، سىلىدىن ئايرىلمايمىز.
— ئادالەت بىزنىڭ زۇلپىقارىمىز، جاندىن ئايرىلساقمۇ، بۇ زۇلپىقاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن جەڭ قىلىمەن! — دېدى شەيخۇلىسلام نۇرىددىن داموللا ھاجى، — بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى يېقىننى لەشكەرى قازى قىلىپ بەلگىلەشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
سۇلايمان ئارسلانخان ياشانغان بۇ دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ سەمىمىيىتىدىن، پىداكار روھىدىن تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئالدى، روھلاندى، غەزەپچى كۈچەيدى. قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئارقا — ئارقىدىن پەرمان جاكارلاپ، يەتتە سەرگەردىنى يېقىندىن سۇباشى قىلىپ تەيىنلىدى. ئوغلى — بالاساغۇن ئېلىكخانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخانغا، ئىنىسى پەرغانە دىيارىنىڭ ئېلىكخانى توغرۇل تېگىن مەھمۇد ئارسلانخانغا، كىنگىت، بارچۇق، ئالتاي، ئىدىقۇت دىيارلىرىنىڭ يابغۇ، ئارسلانخانلىرىغا چاپار مەن ماڭدۇردى. ئاستانىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۆچەيتىشكە سۇباشى
تۆمۈربۇقا نەسىرىددىننى، توسۇپ زەربە بەرگۈچى قىسىمغا چاغرىبەك ئادامتۇغرۇل سانغۇننى بەلگىلىدى. دۈشمەن بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ جەڭ قىلىدىغان ئاساسلىق قىسىمغا ئۆزى بەگتۇسۇپ بىلەن قوماندانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۆدۈمشنى چاپاۋۇل قىسىمنىڭ سۇبېشى قىلىپ، دەرھال ئاتلىنىشقا ئەمىر قىلدى.
3
قەشقەردە ئۈچ تۈمەن لەشكەر بار ئىدى. بۇنىڭ بىر تۈمىنى دۆلەتباغ ۋە ئەسكى ھىساردىكى قورغانلاردا، بىر تۈمىنى ئاتۇش ۋە مورتۇم① يېزىسىدىكى قورغانلاردا، بەش مىڭى ئوپالدىكى قورغاندا، بەش مىڭى ئوردا يېنىدىكى جەڭگاھتا تۇراتتى.
بۇغرا قاراخاننىڭ ئەمرى بىلەن ھەرقايسى قورغانلاردىكى ئاساسلىق لەشكەرىي قىسىملار ئاتۇش مەشھەدكە بامدات نامىزىدىن يانغۇچە يىغىلىپ بولدى. ئۇلار مۇھەممەد ئارسلانخان قوشۇنلىرى قەيەردە ئۇچرىسا، شۇ يەردە توسۇپ زەربە بېرىش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئەڭ ئالدىدا قاراقىرغا مىڭدىن ئۆدۈمىش سانغۇننىڭ چاپاۋۇل قىسىمى، ئۇنىڭ كەينىدىن توققۇز قىزغۇچ ھال رەڭلىك تۇغنى كۆتۈرگەن ئەلەمدار بەگتۇسۇپ باشچىلىقىدىكى ۋەزىر، سۇباشلارنىڭ ھەمراھلىقىدا سۇلايمان ئارسلانخان ماڭدى. لەشكىرلەرنىڭ باش - ئاخىرى ئۈچ چاقىرىم يەرگە سوزۇلغانىدى. مارالبېشىنىڭ ئېچىلىش ئاز قالغاندا، ئالدىدا كېتىۋاتقان ئۆدۈمىش سانغۇننىڭ ئۈچ مىڭ كىشىلىك چاپاۋۇل قىسىمىغا مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بىر تۈمەن كىشىلىك چاپاۋۇل قىسىمى دۇچ كەلدى. ئۆدۈمىش سۇلايمان ئارسلانخان يېتىپ
① مورتۇم — قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى كەنت. بۇ كەنتنىڭ جەنۇبىغا قاراخانىيلار دەۋرىدە بىر قورغان سېلىنغان بولۇپ، قورغاندا لەشكەر تۇرغان، كېيىن بۇ ئەتراپ قورغان دەپ ئاتالغان.
كەلگۈچە ئۇلارنى مۇشۇ يەردە توسۇپ زەربە بەرمەكچى بولدى. ئۇ پۈتۈن قوشۇنى بىلەن تۇيۇقسىز چىققان بوراندەك شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى.
ئۆدمىش سانغۇن قولىغا گاھىدا قىلىچ، گاھىدا ئۆمۈت، گاھىدا نەيزە ئېلىپ، ئالدىدىن، ياندىن، كەينىدىن كەلگەن دۈشمەنلەرنى ئۇجۇقتۇرۇپ، يارىلاندۇرۇپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ چاپاۋۇللىرىمۇ ئاجايىپ پىداكارلىق بىلەن رەقىبلىرىگە ئېتىلدى. دۈشمەن چاپاۋۇل قىسمى بىردىن ئاتلىرىنى كەينىگە بۇراپ قاچتى.
— قوغلاڭلار! — ئۆدمىش قامچىسىنى شىلتەپ، تاشقا تەگكەن تۇياقلاردىن ئۇچقۇن چاچرىدى.
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ بۇ چاپاۋۇللىرىغا ئاشانتۇتۇق ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوغراق قەبىلىسىنىڭ چاۋلى بېگى① باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ ناھايىتى قەيسەر، پاراسەتلىك سەركەردە بولۇپ، جەڭ قىلىشقا ماھىر ئىدى. ئاز قوشۇن بىلەن كۆپ قوشۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ئالدام خالتىغا چۈشۈرۈپ مەغلۇپ قىلىش، قورشاپ ئەسىر ئېلىش، ھېيلە بىلەن ھەل قىلىش قاتارلىق جەڭ ئۇسۇللىرى بىلەن كۆپ قېتىم غەلىبە قىلغان، قىتانلارغا قارىشى ئۇرۇشتا ئېلىپ بولغانىدى.
رەقىبلىرىنى سۈر-توقاي قىلىپ قوغلاپ كېتىۋاتقان ئۆدمىشنىڭ ئۈچ مىڭ لەشكىرى ئۈچ تاغ② ئېغىزىغا قاپسىلىپ قورشاۋدا قالدى. دەھشەتلىك جەڭ كۈن پاتقۇچە داۋام قىلدى. ھەر تەرەپتىن باستۇرۇپ كەلگەن ئاشانتۇتۇقنىڭ چاپاۋۇل قىسمىدىن مىڭ، ئۆدمىش قوشۇنىدىن بەش يۈز لەشكىرى ئۆلدى. بىر توپ دۈشمەن ئوتتۇرىسىدا قالغان ئۆدمىش قىلىچ ئۇرۇپ نەچچىسىنى ئاتتىن يىقىتتى، نەچچىسىنىڭ قۇلاق، قوللىرىنى چېپىپ تاشلىدى. ئۆدۈلمۈئۆدۈل كېلىپ قالغان ئاشانتۇتۇق بىر
① چاۋلى بېگى — ھاكىمبەگ. ② ئۈچ تاغ — مارالبېشى ئېتىكىدىكى ئۈچ تاغ.
زەربە بىلەن ئۇنىڭ سول قولىنى ئۈزۈۋەتتى. ئۆدمىش بوينىغا گۈرزە تەگكەن پېتى بىلەن تەڭلا يىقىلدى.
— ئۇنى ئۆلتۈرمەي، تۇتۇپ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! — دەپ بۇيرۇدى ئاشانتۇتۇق.
ئۆدمىشنىڭ بىر پۇتى ئۆلگەن ئات ئاستىدا قالغانىدى. بىر قانچە سىپاھ ئۇنى تارتىپ ئات ئاستىدىن چىقاردى.
— نېرى تۇرۇش! — ئۆدمىش ئۇلارنى ئىتتىرىۋېتىپ دەس تۇردى. مۈرىسىدىن چىپىپ تاشلانغان قولى ئۆلۈك ئات يېنىدا قانغا مىلىنىپ تۇراتتى.
— داغلاڭلار! — ئاشانتۇتۇق سىپاھلارغا ئەمر قىلدى. ئىككى نۆكەر كۆيۈپ چوغ بولغان توغراق ئوتۇنىنى ئېلىپ كەلدى. ئاشانتۇتۇق ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ۋىللىلداپ تۇرغان ئوتۇننى ئالدى.
— ماڭا بەر، ئۆزۈم داغلايمەن! — ئۆدمىش قول ئۇزارتتى، ئاشانتۇتۇق سەل تۇرۇۋېلىپ بەردى.
ئۆدمىش كۆزىنى يۇمۇپ چوغنى قان ئېقىپ تۇرغان يەرگە باستى. ئاغرىقتىن بېشى پىقىراپ ئايلىنىپ، لېۋىنى شۇنداق قاتتىق چىشلىدىكى، مۈرىسىدىكى قان توختاپ، ئاغزىدىن ئېقىشقا باشلىدى. «خۇدا، دۈشمىنىم ئالدىدا يىقتىمىغىن» دەپ، ئۆزىگە قادالغان ئاشانتۇتۇققا ئەمەس، جەڭ قىلىۋاتقان لەشكەرلىرىگە قارىدى. ئوتتەك يانغان كۆزلىرى توساتتىن ئوغلى ئېلىبەگكە چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئونلىغان دۈشمەن ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ قىلىچلاشماقتا ئىدى. ئۆدمىش بار ئاۋازى بىلەن:
— چاپ بالام! … ئايىماي چاپ! بېشىغا چاپ! بوينىغا ئۇر! … چاپ! ئايىماي چاپ! — دەپ توۋلىدى.
ئاتىسىنىڭ ئۈنىنى ئاڭلىغان ئېلىبەگ ئۇنىڭغا قارايىمەن دەپ بېشىنى بۇرۇشىغا يەلكىسىگە قىلىچ تەگدى.
— ئوغلۇم، قەددىڭنى تىك تۇت! دۈشمەنگە بوي بەرمە! — دەپ
ۋارقىرىدى ئۆدمىش.
سەنتۈرۈلۈپ ئورنىدىن تۇرغان غەلبەگ غولىدىن ئېقىۋاتقان قانغا قارىماي، يەنە ئىككى سىپاھىنىڭ بېشىغا قىلىچ ئۇردى، ئۆزىمۇ ئۆك قولى چىقىپ تاشلاندى. ئۇ يىقىلىۋېتىپ قىلىچىنى يەنە بىر دۈشمەننىڭ قارنىغا تىققۇچە تەتتى.
— رەھمەت، ئوغلۇم! … ئاللا ساڭا جەننەت ئىشىكىنى ئېچىپ بەسگەي! — دەپ توۋلىدى ئۆدمىش.
باياتىن ئۆنى كۆزىتىپ تۇرغان ئاشانتۇتۇق قىلىچىنىڭ ئۇچى بىلەن ئۆدمىشنىڭ يۈزىدىكى سىم تورنى قايرىدى، سىنچىلاپ قاراپ:
— سانغۇن، سىز كىم بولىسىز؟ تونۇغاندەك قىلدىم، لېكىن ئىسمىڭىزنى يادىمغا كەلتۈرەلمەيۋاتىمەن، — دېدى.
— سىزمۇ نىقابىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ، — دېدى ئۆدمىش ئاغرىقتىن پۈتۈن بەدىنى قىزىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ، ئونىڭ كۆزلىرى ئۆڭدىسىغا ياتقان غەلبەگە ئەتتى.
ئاشانتۇتۇق سىم تورنى يۈزىدىن ئېلىۋەتتى. ئۆدمىش چاچ - ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن بۇ سۈرلۈك ئادەمگە بىر پەس قاراپ ئاخىرى تونۇۋالدى:
— سىز ئالىپ ئاشانتۇتۇققۇ، قىتانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا زەپەر قازىنىپ بىللە ئالىپ بولغانىدۇق.
— ئونىڭغا قىرىق يىلدىن ئاشتى. ئۇ چاغلاردا يادىن ئاتقان ئوقنى يۇلتۇزغا تەگكۈزەلەيدىغان ياش يىگىت ئىدۇق. شۇدەم سىزنى ھېچ تونۇيالمايۋاتىمەن، چاچ - ساقاللىرىڭىز ئاقىرىپ قاپتۇ.
— مەن ئۆدمىش، ئوبدان قاراڭ. قىتانلارنى يېڭىپ يىگىرمە يىلدىن كېيىن، بۇغرا قاراخانغا بويۇنتالۇق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگەن ياباقۇلارنى تىنچىتىشقا مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ باشچىلىقىدا بىللە بارغان ئەمەسمىدۇق. ياباقۇلارنىڭ باش بوغى بۆكە بۈدرەچنى ئەسىر ئېلىپ كەلسەم، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ
بۇيرۇقى بىلەن سىز كاللىسىنى ئالغانىدىڭىزغۇ!
- ھە، راست، شۇنداق، ئەمدى تونۇدۇم. سىز چاغرىبەگ ئادامتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئۆدمىش. توغرا، ئالىپ ئاتلىپ بۇغرا قاراخانغا جاندار بولغانىدىڭىز، ماۋۇ تەقدىرنى كۆرۈڭ. بۇرۇن جەڭلەردە تەقدىرداش بولغان ئالىپلار، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر - بىرىمىزگە قارشى قىلىچ كۆتۈرۈپ جەڭگاھتا ئۇچرىشىپ قالدۇق، خۇدايا توۋا … - دېدى ئاشانتۇتۇق.
- ئەمدى تونۇدىڭىز، سانغۇن، ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز، ئاۋۇ ئوغلىمنىڭ جەسىتى ئاتلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىپ كەتمىسۇن. سىپاھىلىرىڭىزغا بۇيرۇغان بولسىڭىز، ماۋۇ دۆمبەل ئۈستىگە ئاچىقىپ قويسا ئىكەن، - باغرى ئېچىشىپ كەتكەن ئاتا ئۆنىدىن ئۆتۈندى. ئاشانتۇتۇق سىپاھىلىرىغا بۇيرۇپ ئېلىبەگنىڭ جەسىتىنى دۆمبەل ئۈستىگە قويدۇردى. ئۆدمىش كۆكسىگە نەيزە سانجىلىپ ئۆلگەن ئەلەمدارنىڭ قولىدىكى قاراخانىيلار ئېلىنىڭ تۇغىنى ئەكىلىپ ئۆنىڭ يۈزىگە ياپتى.
- مەن «بۆرى ئويۇنى» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قاچقان بولۇپ سىزنى ئالدام خالتىمغا چۈشۈردۈم.
- بۇنى بىلدىم، نامەرد ئىكەنسىز، - ئوغلىنىڭ جەسىتىگە قاراپ ئولتۇرغان ئۆدمىش زەردە قىلدى.
- مەن مەردلىك قىلىۋاتىمەن. سىزنىمۇ مېلىڭىزگە قويۇپ بەردىم، ھايات قېلىشنى خالامسىز؟ - سورىدى ئاشانتۇتۇق قىلىچىنىڭ بىسىدىكى قاننى يالاپ تۇرۇپ، ئۆنىڭ قورقۇنچلۇق چىرايىدا مەسخىرە كۈلكىسى بار ئىدى.
- كۆردىڭىز، ئوغلۇم ئەسەرگە چۈشۈشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ، يېقىن ئاتىسىنى يەرگە قاراتمىدى، شۇڭا ياش تۆكمىدىم، سانغۇن. مەن ھەققىانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن، بۇغرا قاراخان ئۈچۈن، خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ئۈچۈن نامەردلەر بىلەن جەڭ قىلدىم!
— شۇنداقمۇ، ئۆدمىش سانغۇن، — ئاشانتۇتۇق قىلىچىنى ئوياق — بۇياققا ھەيۋە قىلىپ شىلتەپتى، — قانخورلۇق قىلالىغان پادىشاھ، سانغۇنلار داڭق چىقىرالايدۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن جەڭگە ئامراق. مۇھەممەد ئارسلانخان ئائىلىرى قاراخانىيلار ئېلىگە بۇغرا قاراخان بولسا بىزدەك سانغۇنلارنىڭ ئامىتى كېلىدۇ، جەڭگاھتا ياغ چاينايمىز، خوتۇنلىرىمىزنى يىغلىتىمىز. سىز ئەل بولۇڭ، گۇناھىڭىزنى ئارسلانخانىمىزدىن تىلەپ مەنسىپىڭىزگە يەتكۈزەي.
— جۆيلۈمەڭ! سىز يوتقاندا ئەمەس، جەڭگاھتا … — ئۆدمىش غەزەپلىنىشتىن چاچراپ تۇردى. ئاغرىق كۆچۈپ «ۋاي …» دەپ توۋلاپ سالماسلىقى ئۈچۈن لەۋىنى چىشلەپ قانتۇۋەتتى.
— ئۆدمىش سانغۇن، — دېدى ئاشانتۇتۇق مۇلايىملىق بىلەن قىلىچىنى قىنىغا سېلىپ، — مۇھەممەد ئارسلانخان ئائىلىرى ئاكسى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ماۋەرائۇننەھر، خارەزم ئېلىنى، ئىتتىپاق دىيارىنى ئۆز ئېلىگە ئالماقچى. ئۇ غەيۇر، قولى ئوچۇق، مەرد پادىشاھ، قىلىمەن دېگەننى قىلىدۇ، سىزنى كەچۈرىدۇ. جەڭ قىلىۋاتقان قوشۇنىڭىزغا بۇيرۇق بېرىڭ، قورالنى تاشلاپ ئەل بولسۇن!
ئۆدمىش قىلىچىنىڭ سېپىنى چىڭ تۇتقان ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
— مۇھەممەد ئارسلانخان بۇغرا قاراخانغا ئاسىيلىق قىلدى، ئادالەت، ھەققانىيەتتىن يۈز ئۆرۈدى! ئۇنىڭ قاراخانىيلار ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرىمەن دېگىنى يالغان، بۇغرا قاراخانلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، نامەرد، قانخور سانغۇنلارغا ئامەت كەلتۈرىدىغىنى راست! ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىمەن دەپ ئەھدە قىلغانمەن. سول قولۇمدىن، ئوغلومدىن، نۇرغۇن سىپاھلىرىمدىن ئايرىلدىم. ئوڭ قولۇمدىنمۇ، جېنىمدىنمۇ ئايرىلىشقا رازىمەنكى، ھەرگىزمۇ ئۇ
773
ئاسىغا ئەل بولۇپ، ساڭا ئوخشاش قارا يۈز بولۇپ ياشاشنى خالىمايمەن! ئۆدمىش نەيزىسىنى جەڭ قىلىۋاتقان قوشۇنلىرىغا قارىتىپ، ئەزىمەتلەر، ئاسىي سىپاھلارغا ھەرگىز تەسلىم بولماڭلار! جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىڭلار! دەپ ئەمەر قىلدى.
توختات سۆزۈڭنى! قەھرى بىلەن ئارقېرىدى ئاشانتۇتۇق قىلىچىنى قىنىدىن شارتتىدە سوغۇرۇپ، بىللە جەڭ قىلغان قېرىندىشىم ئىكەن، دەپ رەھىم قىلسام، ھەددىڭدىن ئېشىۋاتىسەنغۇ. ئاللىبۇرۇن ئەسىرگە چۈشكەن سانغۇن سەن. مۇشۇ تاپ قىلىچىمنى بىر شىلتەپ، بېشىڭنى تېنىڭدىن جۇدا بولىدۇ. ياشاشنى خالىساڭ تىزلىنىپ مەندىن كەچۈرۈم سورا، قېنى تىزلان!
ئۆدمىش كۈلدى.
قارا نىيەتلەر ھېچقاچان ئالىيجاناب، مەردانە بولالىغان ئەمەس. سەنمۇ بىر نامەرد، تولا كۆرەڭلىمەي مەيدانغا چۈش!
ئاشانتۇتۇق قاقاھلاپ كۈلدى:
كەل، ئارماندا قالما، تېلىكىڭنىڭ كاجلىقىنى ئۆزۈڭدىن كۆر، ئۇ كۈچەپ قىلىچ ئوردى، ئۆدمىش چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى. يولغۇن شېخىنى كېسىپ چۈشكەن قىلىچ يەرگە قادالدى.
تېلىكىڭ ئانچە كاج ئەمەس ئوخشايدۇ، ساق قالدىڭ، ئەمدى نۆۋەت ساڭا، ئىككى پۇتىنى كېرىپ بىر قولىدا قالقان، بىر قولىدا قىلىچ تۇتقان ئاشانتۇتۇق پىسەنت قىلمىغان ھالدا ھىجايدى.
ئۆدمىش قىلىچنى باش ئۈستىگە كۆتۈردى. ئاشانتۇتۇقنىڭ سول قولىغا چاپماقچى بولۇپ، بىر ئۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ قولىنى جەينىكىدىن ئۈزۈۋەتتى. ئاشانتۇتۇق ئارقىرىمىدى. مۇھاپىزەتچىلىرى قىلىچ نەيزىلىرى بىلەن ئۆدمىشنى قىيما
چىما قىلىۋەتمەكچى بولۇپ يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە: — ئارقىڭغا قايت، بۇنىڭغا ئۆزۈم تېپىشىمەن! — دەپ توسۇۋالدى. مۇھاپىزەتچىلەر ئارقىغا يېنىشتى. — دەرھال جەڭگە كىرىپ، سۇلايمان ئارسلانخان چاپاۋۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئېلىش! قارشىلىق قىلغانلارنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈرۈش! — خۇپ، سانغۇن جاناپلىرى! — ئۇلار قىلىچلىرىنى يالتاچىلاپ جەڭگاھقا ئۆزلىرىنى ئېتىشتى. ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن يۈزلىرى يۈرۈلۈپ، لەۋلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئاشانتۇتۇق چەتتىرەك يىقىپ قويۇلغان گۈلخاندىن ئوتۇن چوغىنى ئېلىپ، قان تامچىلاۋاتقان جەينىكىگە باستى. ۋارقىراپ سالماي دەپ لەۋلىرىنى چىشلەپ قانتەتتۈردى. پىژىلداپ كۆيگەن جەينەك قارايدى، ئېقىۋاتقان قان توختىدى. ئەمما، ئۇنىڭ بويۇن — بېشىدىن سۇدەك قويۇلۇۋاتقان تەر توختىمىدى. — ئەمدى تەڭلەشتۇق، ئاشانتۇتۇق. جەڭدە چېپىۋېتىلگەن قانچە — قانچە ئادەملەرنىڭ ئاغرىق ئازابىنى قانداق تارتقانلىقىنى خۇددى بىزگىمۇ كۆرسەتتى. بۇ بىر بېشارەت، جەڭدىن قول ئۈزەي دېسەڭ — سىپاھىلارغا بۇيرۇق قىل، جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقسۇن! ئۆدمىشنىڭ سۆزى تۈگىمەي، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن قىلىچنى قولىغا ئالغان ئاشانتۇتۇق ئۇنى چاپماقچى بولدى. ئۆدمىش ئۆزىنى قاچۇردى. ئاشانتۇتۇق بار كۈچى بىلەن قىلىچنى ئىشلىتىپ، سەنتۈرۈلگىنىچە يىقىلىپ ھوشىدىن كەتتى. بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى سىپاھىلار يوپۇرۇلۇپ كەلگىنىچە نەيزە سانجىپ، قىلىچ ئۇرۇپ، ئۆدمىشنىڭ تېنىنى پارە — پارە قىلىۋەتتى.
جەڭمۇ توختىدى. ئۆلمىش چاپاۋۇللارنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، تىرىكلىرى ئەسىر چۈشتى.
4
كۈن پاتتى. كۆچكى شەپەق چۆلدىكى يۇلغۇنلارنى قىزارتتى. قانغا مىلىنىپ ياتقان جەسەتلەر تۈننىڭ غۇۋا - غۇۋا شامىلىدا قورۇشقا باشلىدى. شۇ چاغدا يېتىپ كەلگەن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ لەشكەرلىرى قانغا بويالغان سايلىقتا توختىدى.
چاپاۋۇللاردىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئاتتىن سەكرەپ چۈشكىنچە مۇھەممەد ئارسلانخان ئالدىدا تىزلانغان بوزاغۇ:
— ئۇلۇغ شاھىم، دەل ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپتۇق، — دەپ ئەھۋالنى بايان قىلىپ يەر ئۆپتى، — غەلىبە قىپتۇق. ئاشانتۇتۇق سانغۇن سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ چاپاۋۇل قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي ئەسىر ئاپتۇ. ئەمدى ئۆز ئادەملىرىمىزنىڭ جەسەتلىرىنى جەڭگاھتىن ئېلىپ چىقىپ دەپنە قىلغاچ، سىپاھلىرىمىز ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالسۇن. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ سىپاھلىرىمۇ دەرھال يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇلار ساي تېشىدەك ياتقان ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتسۇن، كۈچ - قۇدرىتىمىزدىن تىترەپ، روھلىرى چۈشۈپ ئۈمىدى ئۈزۈلسۇن.
— دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيىپ، يۈزىگە سىم تور تارتقان بوزاغۇنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ئىدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئەھۋالنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بوزاغۇنىڭ تەلىپى بويىچە پەرمان چۈشۈردى. سىپاھلار جەڭگاھتىكى ئۆز ئادەملىرىنىڭ جەسەتلىرىنى يۇلغۇن، توغراقلىق ئىچىگە دەپنە قىلىپ، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان بارگاھ قۇرغۇزمىدى، ئۆزىمۇ —
ئۆزلىرى، جاندارلىرى بىلەن توغراقلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇندى.
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ لەشكەرلىرى خوتەندىن يانغان مەھەلدە يېتىپ كەلدى. ئوتقاشلارنىڭ يورۇقىدا جەڭگاھتىكى جەسەتلەرنى كۆرۈشتى. بەزىلىرىنىڭ ئىچىگە قورقۇنچ چۈشتى، بەزىلەر ئېچىنىشىپ يىغلاشتى، بەزىلەر غەزەپكە كەلدى.
غەزەپتىن قويقا چاچلىرى تىكلەشكەن يۈسۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
— بۇغرا قاراخان ئالىيلىرى، قايغۇرۇپ ھەسرەت چېكىش بىلەن زىياننى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. قارىغاندا، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ سىپاھىلىرى مۇشۇ ئەتراپتا يوشۇرۇنۇۋالغانىدەك تۇرىدۇ. بىز دۈشمەن قورشىۋالغۇچە دەرھال چېكىنەيلى، بولمىسا تۇزاققا چۈشۈپ قالىمىز، — دېدى.
سۇلايمان ئارسلانخان باش ۋەزىرنىڭ سۆزىنى توغرا تېپىپ دەرھال بۇيرۇق بەردى.
— سۇباشلار، سىپاھىلىرىمىز يارىدار ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ چاپسان ئارقىغا قايتسۇن!
سىپاھىلار ئالدىراشلىق بىلەن ئارقىغا قايتىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ يوشۇرۇنغان لەشكەرلىرى تەرەپ-تەرەپتىن قاپساپ كېلىپ ئۇر-چاپ قىلىشقا كىرىشتى. قارا قويۇن كۆتۈرۈلگەندەك شىددەتلىك جەڭ باشلاندى.
تۈمەنلىگەن ئوتقاشلارنىڭ يورۇقىدا بىر-بىرىگە ئۇرۇلغان قىلىچ-نەيزىلەرنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازى، ئومۇت، گۈرزىلەرنىڭ تاراڭ-تۇرۇقلىرى، يەر تېپىپ كىشنىگەن ئاتلارنىڭ ئاۋازلىرى، يارىلانغان، ئاتتىن يىقىلغانلارنىڭ قىيا-چىيالىرى قوشۇلۇپ، يەر-ئاسمان نالە قىلغاندەك گۈرۈلدەيتتى، زېمىن قانغا بويلاندى.
بەگىيۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ نۆكەرلىرىمۇ، چۆمۈلىدەك يامراپ كەتكەن دۈشمەن لەشكەرلىرى بىلەن قىلىچلىشىپ،
نەيزىلىشىپ، سەھەرگىچە بۇغرا قاراخانغا ئولارنى يېقىن كەلتۈرمىدى. نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ لەشكەرلىرى تاش يورۇشقا باشلىغاندا، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ قورشاۋدا قالغان سىپاھىلىرىنى توپ - توپى بىلەن ئەسىر ئېلىپ، تېخىمۇ غالىبىيەت بىلەن ھۇجۇمنى كۈچەيتتى.
بەگىيۈسۈپ بىر يۇلغۇن تۈۋىدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان ئادەمتوغرۇلنى كۆرۈپ «يارىلانغان بولسا كېرەك» دەپ ئېتىنى شۇ تەرەپكە چاپتۇردى. بىر قانچە مۇھاپىزەتچى نۆكەرلەرمۇ بىللە ئات سالدى. ئولار كەلگەندە تاغاققا نەيزە سانجىلغان بۇ قېرى سانغۇن قوللىرىنى سوزغىنىچە جىم ياتاتتى. بەگىيۈسۈپ ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ تىنىقىنى تەكشۈرۈپ، قۇربان بولغانلىقىنى بىلدى. ئونىڭ ئاپپاق ساقىلى قانغا مىلەنگەنىدى.
بەگىيۈسۈپنىڭ ھەر ياققا تىكىلگەن كۆزى سەل نېرىدا پارچە - پارچە قىلىۋېتىلگەن بىر جەسەتكە چۈشتى، بېرىپ سەپىسېلىپ جەسەتنى تونۇدى. «ئۆدەنمىش ئاغام…» دەپ نالە قىلدى ئۇ. ئاندىن يۈزىگە تۇغ يېپىلغان جەسەتنىڭ يېنىغا كەلدى، تۇغنى قايىرىپ چۆچۈپ كەتتى، كۈيۆئوغلى ئېلبەگنى تونۇغانىدى. ئونىڭ چىرايى ئاق مەشۈتتەك ئاقىرىپ كەتكەنىدى. بۇ ياش يىگىت ئۇخلاۋاتقاندەك شۇنداق چىرايلىق ياتاتتى. بەگىيۈسۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ «ئادەمتوغرۇل بوۋام ئوغلى ۋە نەۋرىسىنىڭ يېنىغا كېلىۋېتىپ جان ئۈزۈپتىكەن - دە… ئاھ، خودا! سەن كۆرۈپ تۇرغانمۇن!» دەپ نالە قىلىپ ئۆزىنى زادىلا تۇتالماي قالدى. ئىككى كۆزى ئوقچۇپ تۇرغان بۇلاققا ئايلاندى، يېشى يامغۇردەك تۆكۈلدى…
— مانا بۇ بۇغرا قاراخاننىڭ يوغروش باشى بەگىيۈسۈپ، تۇتۇڭلار! — دېگەن قوپال ئاۋاز قۇلىقىغا كىرگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. كۆك چىقىر كۆز، سېرىق ساقال بىر ئادەم بېشىدا قىلىچ يالتىرىتىپ تۇراتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشىغا بېشىغا گۈرزە تېگىپ ھوشىدىن كەتتى. ئونى ئۇرغان بوزاغۇ
ئىدى.
مۇھاپىزەتچىلەر بەگىيۈسۈپنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشقان بولسىمۇ، ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمىدى. بەزىلىرى ئېغىر يارىلاندى، بەزىلىرى جېنىدىن ئايرىلدى.
يانپىشىغا نەيزە تېگىپ ئاتتىن يىقىلغان سۇلايمان ئارسلانخانمۇ ئەسىر چۈشتى.
بەگىيۈسۈپ ھوشىغا كەلگەندە چەمبەرچاس باغلانغانىدى. ئۇ سۇلايمان ئارسلانخاننى، لەشكەر بېشى نۇردىن داموللا ھاجىنى، باشقا ۋەزىر - سەركەردىلەرنىمۇ باغلانغان ھالدا كۆرۈپ ئىچىدە مۇناجات قىلدى:
«ئادەرىخا … بۇ بالا - قازا نېمە ئۈچۈن؟ ئادالەت، ھەقىقەت ئۈستىدىن زالالەت ۋە جاھالەت غەلىبە قىلىپ كېتەرمۇ؟ خودا ئۆزۈڭ كۆرۈپ - بىلىپ تۇرۇپسەن، سەن ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى، زالىمنىڭ زۇلمىدىن خەلققە پاناھ تىلەيمەن ! …»
5
قۇماربېكە تالاسقا كېلىپ، جاندارلار بېشى بولغان ئاكىسى ۋە دوقابەگنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ھەرقايسى دىيار، ئايماقلاردىكى قىساسكار قارلۇقلارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كىرىشكەنىدى. بىرنەچچە يىل ئىچىدە بىر زور يوشۇرۇن قوراللىق كۈچنى بارلىققا كەلتۈردى. سۇلايمان ئارسلانخاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ، مۇھەممەد ئارسلانخاننى تەختكە چىقىرىش ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىدى. مۇشۇ تۈپەيلىدىن قۇماربېكىگە ئالدانغان مۇھەممەد ئارسلانخان ئۇلارنى قوللىدى، مەدەت بەردى. سىپاھلىرى ئون تۈمەنگە يەتكەندە قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەنىدى.
قۇماربېكىمۇ يۈزدىن ئارتۇق كېنىزەك - دېدەكلىرىنى
كەينىگە سېلىپ، بۇ زور قوشۇن بىلەن بىللە يولغا چىققانىدى. دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيىپ، چىلان تورۇققا مىنگەن قۇماربېكە ناھايىتى روھلۇق بولۇپ، غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ چوكا خوتۇنى ئالتۇن تارىم ئەردەنى خوتۇنمۇ بۇ لەشكەرلەر بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئوغلى ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ يېنىدا كۈتۈنۈپ كېلىۋاتاتتى، كېلىنى بۇخرابىيەدىن تولىمۇ رازى ئىدى. ئېرىنى رام قىلالمىغان قۇماربېكىنى كۆرۈشكە كۆزى يوق ئىدى. شۇڭا، ئۆنۈڭدىن نېرى تۇراي دەپ، بۇ ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. بۇ قېتىم بوينىدىن باغلاپ ئېلىپ ماڭغان كالىدەك ئامالسىز يولغا چىققانىدى. كۈندىشى قۇماربېكە بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى خالىماي، كېنىزەك، مۇلازىملىرى بىلەن چۆشكەن مەپىنى ئاستا ھەيدىتىپ ئارقىدىراق قالغانىدى. قارا بويۇنغا مىنگەن نەۋرىسى مەھمۇد تېكىن ئۆنۈڭ يېنىدا كېلىۋاتاتتى. بۇ شاھزادە دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيمەستىن ئادەتتىكىچە كىيىنگەنىدى. شۇنچە كۆپ لەشكەر بىلەن قەشقەرگە كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئۇ ئانچە ياق تۇرمايتتى. تاغىسى بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخاننى بولسا خېلى ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇنى ئىلىمنىڭ، ئىلىم ئەھلىنىڭ دوستى، ھىمايىچىسى دەپ بىلەتتى. قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشقا قوشۇلماي، بۇ توغرۇلۇق ئاتىسى ھۈسەيىن ئارسلانخانغا دەپمۇ گەپنى يېگۈزەلمىگەنىدى. بوۋىسى ئۆنۈڭ مۇددۇئاسىنى بىلگەندىن كېيىن، «ئاكام بوشاڭ، ئەلەۋىيلەرگە مەملىكىتىمىزنىڭ يېرىمىنى تارتىپ بېرىپ قويدى. مەن تارتىۋېلىپ قويغان يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ھەسەنىيلەرنى قۇدرەت
① ئەلەۋىيلەر - سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى نۇرئەلانۇر خېنىمنىڭ ئوغلى سەيىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۆزلىرىنى سەئىد ئەۋلادى ۋە ھەقىقىي تەخت ۋارىسى دەپ ھېسابلايتتى. ② ھەسەنىيلەر - سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، بۇلارمۇ ئۆزلىرىنى تەخت ۋارىسى دەپ بىلەتتى.
تاپتۇرمەن» دەپ مەھمۇد تېگىننى ئويلاندۇرۇپ قويغانىدى. «ئەگەر بوۋام ئەلەۋىيلەر بىلەن ھەسەنىيلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرەلمىسە ياخشى بولاتتى. بوۋام مەغرۇر، ئالدىراڭغۇ ئادەم، بۇ يۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولاركەن؟ جەڭ بولۇپ قالسا ھەرگىز جەڭگە كىرمەيمەن» دېگەن ئىرا دەستە كېلىپ، مومىسى بىلەن ئانىسىنىڭ مەپتۇنلۇقتا يازماقچى بولۇۋاتقان كىتابى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئۈچ تاغ ئېتىكىدە بولغان قانلىق جەڭگە قاتناشمىدى. قۇماربېكە ئۇنىڭ جەڭدە ئۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىپ، بوزاغۇدىن پات - پات سوراپ تۇردى. مەھمۇد تېگىن جەڭگە قاتناشمىغىنى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈمىگە چىدىماي، پارىلانغان يۈرىكى نەيزە، قىلىچ تېگىپ يارىلانغانلاردىنمۇ بەكرەك ئاغرىۋاتاتتى. ئۇ بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان ۋە بەگىيۈسۈپ، نۇرىدىن داموللا ھاجى قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، پەقەت چىداپ تۇرالمىدى. بۇ چاغقىچە تىزلىنىپ باقمىغان مەھمۇد تېگىن ئاتىسى ھۈسەيىن ئارسلانخاننىڭ ئالدىدا تىزلاندى:
— ئاتا، بۇ ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ بۇغرا قاراخاننى باغلاۋاتسا، بوۋام گەپ قىلماي قاراپ تۇرىدۇغۇ. يۇغرۇش بېشى بەگىيۈسۈپ مەرىپەت كۆكىنىڭ چىرىغى بۈگۈن ئۆچسە، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلساق خۇدا راۋا كۆرەمدۇ؟ ئەلىنىڭ ئىمامى شەيخۇلىسلام نۇرىدىن داموللىغا يەتكەن ئازار بىزگە يەتمەسمۇ؟ ئاتا، تۇتۇنۇپ قالاي، بوۋامغا دەپ ئۇلارنى باغلاقتىن خالاس قىلغايلا.
— بالام، ئوغلىڭىزنىڭ تىزلىنىپ تەلەپ قىلىۋاتقىنى جەڭ قورالامۇ ياكى بۇغرا قاراخاننىڭ گۇناھىنى تىلەشمۇ؟ — دەپ سورىدى ئاق باش جەھدە ئۈستىدە مەغرۇر ئولتۇرغان مۇھەممەد ئارسلانخان.
ھۈسەيىن ئارسلانخان ئوغلىنىڭ تېلىپىنى يەتكۈزدى. بۇنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالغان بوزاغو مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ:
— ئۇلۇغ شاھىم، ھەزرەتلىرى نۇسرەت قازاندىلا. بۇغرا قاراخانلىق تەختىگە چىققان سۇلايمان ئارسلانخان مەغلۇپ بولدى. ئۇنىڭ يوغروش بېشى، سۇباشلىرى، شەيخۇلىسلامى، سانغۇنلىرى ئۆزى بىلەن بىللە ئەسىر ئېلىندى. بۇلار قەتلى قىلىنمىسا، ئۇلۇغ مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدىلا. يىلاننىڭ بېشى ئۈزۈلمىسە، قۇيرۇقى جىم ياتمايدۇ. ئۇلار ھايات قالدۇرۇلسا، جايلاردىكى ۋە سىپاھىلار ئارىسىدىكى ھەمنەپەسلەرى ئەلگە ئاراملىق بەرمەيدۇ. شاھىنشاھىم، ئوردۇكەنت دەرۋازىسىدىن كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى زۆرۈر، دېدى ئىلتىجا قىلىپ.
— ئۇلۇغ ئەل بېشى، مەملىكەت بېگى خاقانىم، — جەڭ لىباسى كىيىپ، يۈزىگە سىم تور تارتقان دوقاقبەگ بوزاغونىڭ يېنىدا تىز چۆكتى، — قەيسەر بەگ جانابلىرى ھەق گەپنى قىلدى. ئالىملەرنىڭ شۇنچە داغدۇغا بىلەن كېلىۋاتقانلىرىنى ئاڭلىغان سۇلايمان ئارسلانخان قىلىچىنى بوينىغا ئېسىپ ئالدىلىرىغا چىقسا، تىزلىنىپ گۇناھىنى تىلىسە، سىلى ئەپۇ قىلسىلا، تاجو-تەختنى تىنچ — ئامان ئۆتكۈزۈۋالسلا بولاتتى. ئەمما، ئۇ لەشكەر تارتىپ چىقىپ يوللىرىنى توستى، نۇرغۇن سىپاھىلىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇنى قانداقمۇ كەچۈرگىلى بولسۇن! بۈگۈن بىلگە بولغان يوغروش بېشى بەگيۈسۈپنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئالىملەرگە قارشى تۇرۇشغا جۈرئەت قىلىشى ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولساق ئاللىبۇرۇن قىيما — چىيما قىلىۋەتكەن بولاتتى. شاھىم، بۇ توغرۇلۇق ئىككىلەنمىسىلە، دەرھال قەتلى قىلىپ ئوردۇكەنتكە قاراپ يولغا چىقىشقا ئەمر قىلغايلا.
مۇھەممەد ئارسلانخان بىردەم تاغىسى سۇلايمان ئارسلانخانغا،
بىردەم بوزاغۇ بىلەن دوقاقبەگكە كۆز يۈگۈرتۈپ، ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، مەھمۇد تېگىن دەس تۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تۇتتى.
— بوۋا، سەۋر قىلىسلا، ئالدىراشچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى باشقا چوماق بولىدىغان نادامەتلىك پۇشايمان بولىدۇ. ئالدىرىلىرىدىكى بۇ باغلانغان كىشى — سىلىنىڭ ئاكىلىرى، مەملىكەتنىڭ ئۇلۇغ خاقانى، بىزگە قانات يېيىپ كېلىۋاتقان بۇغرا قاراخان! ئېيتسىلا، باغرىلىرى تارتىشماي ئۆلتۈرۈشكە ئەمەر قىلامدۇلا؟ ئۇلۇغ تەڭرى كۆرۈپ تۇرسا، ئۇنىڭ قەھرىدىن قورقماي كىشى قارا بۇگۈ بىلگىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇمدۇلا؟ ئۇلارنى قەتلى قىلىپ مەملىكەت ئەھلىگە، بۇغرا قاراخان جەمەتىگە قانداق جاۋاب بېرىدۇلا؟
مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قىزارغان كۆزلىرى، ئاق يوللۇق شاھى تون كىيىپ، قارا جىيەكلىك سەكسەن تالا بۈكۈك سەللە ئورالغان مەھمۇد تېگىنگە قادالدى — ياق، ئايرىشقا باشلىغان ساقىلىنى سىقىملاپ تۇرۇپ قالدى.
— ئېلىكخان ئالىيلىرى، ئاچچىقلىرىغا ھاي بېرىسلا، قارا نىيەت نامەردلەردىن ئەلگە زىيىنى تېگىدىغان شۇملۇق چىقىدۇكى، ئەلگە پايدىسى تېگىدىغان مەسلىھەت چىقمايدۇ. ئاكىلىرى بۇغرا قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان ئالىيلىرى پەزىلەتلىك خاقان، نادانلىق — جاھالەتنىڭ دۈشمىنى، ئىلىم — مەرىپەتنىڭ دوستى! قاراخانىيلار ئېلى يىگىرمە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ شاھىنشاھلىقىدا ھەر جەھەتتىن روناق تاپتى. مانا شۇنداق بەرىكەتلىك تۇرمۇشتا ئېجىل — ئىناق ياشاۋاتقان خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى لەشكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ بۇزۇۋەتسلا، مەقسەتلىرى قان تۆكۈپ تەختكە چىقىش بولسا، مانا مېنى ئۆلتۈرسىلا. ئادىل، رەھىمدىل بۇغرا قاراخانىمىزغا بۇنداق زۇلۇم قىلمىسلا. بوينۇم قىلدا باغلانلىق، ئاللادىن قورقىمەنكى، ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، — دېدى بەگتۈسۈپ
كۆكرىكىنى كېرىگەن ھالدا ئالدىغا بىر قەدەم چامداپ، ئو مەھمۇد تېگىننىڭ بېشىنى ئېگىپ ئۈنسىز سالام بەردى.
— بەس! يوغروش بېشى، مەن تىلىڭىزگە يەتكۈزەي، جاللات! — ۋارقىرىدى مۇھەممەد ئارسلانخان ئاتتىن سەل كۆتۈرۈلۈپ.
— لەببەي، — يۈزلىرىگە قارا نىقاب تارتىپ، قىزىل تون كىيگەن ئىككى جاللات قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ تېزلاندى.
— قايسى گۇناھكارنىڭ بېشىنى كېسىمىز؟
مەھبۇسنىڭ پەردىسىنى سەل قايرىپ كۆز سالغان قۇماربېكەنىڭ چىرايىغا كۆلكە يۈگۈردى. بوزاغۇ، دوقاقبەگ بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرىشىپ كەتتى.
— بوۋا! — مەھمۇد تېگىن ئېلتېجا قىلىپ، مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ جاللاتلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە ئىمكانىيەت بەرمىدى، — بۈگۈنكىدەك بۈيۈك يوغروش بېشى ھەق گەپنى قىلسا ئۆلۈمگە بۇيرۇمدىلا؟ ئاكىلىرى بۇغرا قاراخاندىن تەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈنلا ئۇنى ئۆلتۈرەمدىلا؟ «ئەلقىساسۇ مىنەلھەق» ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدىن چىقتىمۇ، بوۋا؟ قانغا بويالغان قىلىچلىرىنى ئەمدى قىنىغا سالسىلا! ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ، پاشىنىڭمۇ ئازارى يەتمەيدىغان ئالىملارنىڭ قاتىلى بولۇپ قالماسىلا! راستلا ئۆلتۈرمەكچى بولسىلا، ئاۋۋال يېقىننىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلسىلا! — بۈگۈنكىدەك بۈيۈك مەھمۇد تېگىن بېشىنى يەرگە قويدى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئۆچۈپ - ئۆچۈپ كەتتى. مەڭىز گۆشلىرى تارتىشىپ، چىكە تومۇرلىرى كۆپۈپ چىقتى. چىرايى قارىداپ، ئاغزىغا گەپ كەلمەي قالدى. ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلىدىغان باشقا بىر كىشىمۇ چىقمىدى.
— بۇلار ئوردۇكەنتكە ئېلىپ بېرىلىپ زىندانغا تاشلانسۇن! — دەپ ئەمر قىلدى مۇھەممەد ئارسلانخان ئاخىرى زۇۋان سۈرۈپ.
— باش ئۈستىگە، ئالىيلىرى، — دوقاقبەگ، بوزاغۇ تەڭلا
پەرمانبەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تېزلاندى.
— دوقاقبەگ، قەيسەربەگ، سىلەر بەش تۈمەن لەشكەر بىلەن دەرھال ئاتلىنىپ، مەن بارغۇچە ئوردۇكەنتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ تۇرۇڭلار!
— ئەمىرلىرىنى بەجا كەلتۈرىمىز، ئالىيلىرى.
ئۇلار كېيىنچە بىر قانچە قەدەم مېڭىپ، يەنە بىر قېتىم باش ئەگدى — دە، سۇلايمان ئارسلانخان، بەگىيۈسۈپلەرنى ھارۋىغا سېلىپ مېڭىپ كېتىشتى.
مۇبادا، مەھمۇد تېكىن جاندىن كېچىپ خۇنخور پادىشاھنى توسۇمىغان بولسا، ئالەم بىر ئۇلۇغ ئالىمدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى.
مەھمۇد تېكىن:
— بوۋا، بېشى كېسىلگەن بىلەنمۇ ئەل قەلبىدە ئالىم ئۆلمەيدۇ. پۇت — قوللىرىنى باغلاش مۇمكىنكى، ئالىمنىڭ قاناتلانغان پىكىرىنى باغلاش مۇمكىن ئەمەس! — دېدى — دە، بىرنەچچە قەدەم نېرىدا تىزگىن سېيرىپ تۇرغان قىزىل تورۇقنى مىنىپ ئۇچقاندەك چېپىپ كەتتى.
مۇھەممەد ئارسلانخان ئېغىز ئاچالماي، قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. قۇماربەكە، بوزاغۇ باشچىلىقىدىكى مۇناپىقلار، رەزىل كۈچلەر خۇپىيانە پىلانلىغان سويىقەستلىك ئويۇننىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ جان تەسەددۇق قىلغان سان — ساناقسىز ئالىپ — سەركەردە، لەشكەرلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولغان، قانغا بويالغان كەڭ دەشت — باياۋان ئاجايىپ ۋەھىمىلىك، سىرلىق تۈسكە كىرگەنىدى.