ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھىتى
ئايتولدىنىڭ ئۆگدۈلمىش ئاتلىق بىرلا ئوغلى بار ئىدى. ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ كېلىشكەن، ئەقىللىق ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بالا بولغانىدى. ئايتولدى ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ، ھەسرەت ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ نەسىھەت قىلدى:
— ئوغلۇم، ئەمدى مەن كېتىمەن. ئورنۇم ۋە مال-مۈلكۈم ساڭا قالدى. سەن مېنىڭ كۆز نۇرۇم ئىدىڭ، سەندىن ئايرىلىدىغان بولدۇم، ئېسەن بولغىن. بىر تۈرك ۋەزىرى شۇنداق دېگەن: ئوغۇل-قىزنىڭ كۆزۈڭنىڭ يورۇقى دەپ بىل، ئەمما ئوغۇل-قىزنىڭ غېمى تۈگى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ئۇ مەڭزىڭنى سارغايتىدۇ. ئوغۇل-قىزى ۋە خوتۇنى بار ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئۇيقۇسى ئويغۇ بولسۇن؟! ئاتا بولغۇچى بالىلىرى ئۈچۈن جاپا چەكسىمۇ، بىراق بالىلىرى ئاتىسىنىڭ نامىنى ئاتاپمۇ قويمايدىكەن. ئوغلۇم، سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا، مەن سېنىڭ داداڭ، ھاياتىم ماماتلىق پەنجىسىنى كىيگىلى تۇردى. تىرىكلىك دېگەن بەك چۈچۈك بولىدىكەن، ئۆلۈم ئىنتايىن ئاچچىق. مانا مېنى ئۆلۈم قارمىقى تۇتتى، قېچىشقا يولۇم يوق. مەن بۇ دۇنياغا شۇنچە كۆڭۈل قويۇۋەتكەنمەن. بىراق، ئۇ ماڭا ۋاپا قىلماي، تېزىدى، دۇنيا مېنى ئالدىدى. دەسلەپ سۆيۈپ چاقىرسا كۆڭۈل بېرىپتىمەن، كېيىن يەنە مەندىن زېرىكتى. دۇنيانىڭ جاپاسى ئاخىرى بەختنى قېرىتتى. بۇ دۇنيا سېنىمۇ ئالداپ قويمىسۇن،
ئالدىدىكىلەرنىڭ تۆكۈنۈشىدىن ساۋاق ئال. ئۇلار: ئەڭ كېرە كلىك ئىشلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ، ھەۋەسكە بېرىلىپ مەنىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپتىمەن. ھايات دېگەن شامالدەك ئۆتۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭغا ئامال يوق. ئۇنى پارا بېرىش بىلەنمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن، دېگەن. ئۆلۈمنى تونۇپ ئويغانغانلار يەنە: ئۆلۈم كەلگەندە ھېكىمنىڭ تىلى كېكەچلىشىپ، ئەقلىمۇ لال بولىدۇ، دېگەن. ئۆلۈمنىڭ تىرىنقى نېمانچە ياماندۇ، مۇشتىنىڭ زەربىسى نېمىدېگەن زور! ئۆلۈم ھەشەمەتلىك سارايلارنى بۇزىدىكەن، جەم بولغانلارنى تېرىتىدىكەن. بىر شائىر بۇ ئىشنى مۇنداق سۈپەتلىگەن، قۇلاق سال:
نېمە بار جاھاندا، ئاڭا ھىيلە يوق، نېمە ھىيلە باردۇر، ئاڭا چارە يوق. پۈتۈن ئىشقا ھىيلە، ئۈسۇل-چارە بار، مەگەر بۇ ئۆلۈمكىم، ئاڭا چارە يوق.
— ھەي مېھرىبان دادا، سورىيدىغان بىر گەپ بار ئىدى، جاۋاب بەرسەڭ بولساق، — دېدى ئايتولدىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان ئۆگدۈلمىش، — سەن بىلىم ۋە ئەخلاق جەھەتتىن كۆپ تەربىيە كۆردۈڭ، سورىدىڭ، ئۆگەندىڭ، ئۆگەتتىڭ، كۆپ ئىشلارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭ. ئەمدى ماڭا ئېيتىسەن، بۇ ئۆلۈمگە بىرەر چارە-تەدبىر يوقمۇ؟ بىرەر چارە-تەدبىر ئۆلۈمنى توسۇپ قالالايدىغان بولسا ئىز دەپ كۆرگىن، مال-مۈلۈك دېگەن تېپىلىدۇ. پۈتۈن مال-بىساتىمىزنى سەرپ قىلساقمۇ مەيلى، قوشقا دان تېپىلمامتى، جان ئېسەن بولسىلا بولدى.
— ھەي ئوغلۇم، سۆزۈمنى ئئاڭلا، بۇ ئىشتىن كۆڭۈل ئۈزگىن. ئۆلۈمگە ئالتۇن-كۈمۈش پايدا قىلمايدۇ. ئۇنى ئەقىل ۋە بىلىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈمنى دۇنيانىڭ مال-دۇنياسى
68
توسۇپ قالالايدىغان بولسا، بەگلەرنىڭ بېكى ئېلىپ ئەرتۇغا ئۆلمەس ئىدى. ئۆلۈم پەيتىدە ھېكىملەرگە ھېكمەتلىرىمۇ كار قىلمىدى، ئالىملارغا بىلىمىمۇ ياردەم قىلالمىدى. ئەگەر تۈپۈكلەرنىڭ داۋاسى ئۆلۈمنى توسۇپ قالالايدىغان بولسا، تۈپۈكلەر مەڭگۈ ئۆلمىگەن بولاتتى. ئەگەر ئۆلۈم يۈز-خاتىرە قىلىدىغان بولسا، ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ھايات قالسا بولمامتى؟! تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۇغۇلغان، تىرىك قالغانلاردىن قېنى كىم بار؟ بۇ دۇنيا يولۇچى چۈشۈپ ئۆتىدىغان بىر قونالغۇ.
— ھەي سۆيۈملۈك دادا، — دېدى ئۆگدۈلمىش دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ، — ئۆلۈمنىڭ مۇتلەقلىقىنى شۇنچە ياخشى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا، ھاياتقا شۇنچە بېرىلدۇق، ئەمدى نېمىشقا ھاياتقا قىيماي يىغلايسەن، ھامىنى قالىدىغان بۇ مال-دۇنيانى نېمىشقا توپلىدۇق، ئوشۇق دۇنيالىرىڭنى نېمىشقا ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؟! ئەگەر ئادەم غەپلەت ئىچىدە ئۆتكەن بولسا، ئۆزىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن ساناپ ئۆكۈنۈشى يوللۇق. دادا، ئەمدى ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە پۇشايمان قىلىپ، باشنى يەرگە ئۇرۇشتىن نېمە پايدا؟!
— ئوغلۇم، ئاڭلاپ تۇرغىن، — دېدى ئايتولدى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ، — بۇ دۇنيانىڭ ئىشى بىلەن بولغىن، لېكىن ھەرگىز غاپىل بولما. ئويغاق ياشىغىن، ئادەم دېگەن ۋاقىتنىڭ تۇتقۇنى، ۋاقىت.سائىتى كەلگەندە بىر قەدەممۇ باسالمايسەن، بىر نەپەسنى ئوشۇق ئالالمايسەن. جەمى نەرسىنىڭ سائەت، كۈنى بەلگىلىك، نەپەس ئېلىشىڭنىمۇ سانى بار. قارىماققا يىللار، ئايلار، كۈنلەر ئۆتكەندەك تۇرسمۇ، ھەر بىر كۈن سېنىڭ ئۆمرۈڭنى خورىتىدۇ. ئوغلۇم، مېنىڭ قانداق كەتكەنلىكىمدىن ئىبرەت ئېلىپ ئويغاق ياشا. مېنىڭ باشقا غېمىم يوق. سەن مەندىن كىچىك قالىدىغان بولدۇڭ. شۇڭا، مەندىن كېيىن قانداق ياشارسەن دېگەن غەمىمدىمەن. ئاتا-ئانىنىڭ ئەجرى پەرزەنتكە ئوبدان
69
سەگگە ن بولسا، بۇ پەرەزەنتىنىڭ خۇي-پەيلىمو ياخشى بولىدۇ. پەرەزەنتنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيلىگەن ئاتا-ئانا بەختلىكتۇر. ئەگەر پەرەزەنت چىڭ تۇتۇلماي، ئەركە بولۇپ قالىدىكەن، ئونىگدىن ئۈمىدنى ئۈزۈش كېرەك. پەرەزەنتلىك ئاتىنىڭ بۇرچى پەرەزەنتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇش، ياخشى تەربىيلەشتۇر. كۆپ پەرەزەنت تەربىيلەپ بېشىدىن ئىش ئۆتكەن ئادەملەرمۇ: كىمنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئەركە چوڭ بولىدىكەن، ئاخىرى ئاتا ئۆزى ھەسرەت چېكىپ يىغلايدۇ. بالىلىرىنى كىچىك چاغدا ياۋا ئۆگىتىپ قويسا، ئوغۇلدا گۇناھ يوق، ئونىڭ جاپاسى يەنىلا دادىغا بولىدۇ. ئوغۇل-قىزنىڭ خۇيى يامان بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىدا. پەرەزەنت قىسىپ تۇتۇلسا زورايغاندا سۆيۈنىدۇ. ھەي ئاتا بولغۇچى، ئوغۇل-قىزلىرىڭ بولسا ئۇلارغا ياخشى پەزىلەت ۋە بىلىم ئۆگەتكىن، بولمىسا كېيىنكىلەر سەندىن كۈلىدۇ، دېگەن.
— ھەي دادا، سەندىن جۇدا بولۇش ئازابى مېنى پۇچىلىماقتا. سېنىڭ كەينىڭدە قېلىپ، ئۆلۈمۈڭنى كۆرگۈچە ئاۋۋال مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى ئىدى. شەپقەتلىك ئىگەم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مېنىڭ جېنىمنى ئالسا بۇ غەممۇ بولمايتتى. ئەگەر ئۇنداق بولماي ئاللا ئەجەلنى سېنىڭ جېنىڭغا ئەۋەتسە، بۇ ئەجەل تەرتىپى شۇنداق پۈتۈلگەن بولىدۇ. نېمىگە قايغۇرۇپ يىغلايسەن، ئالادىن كەلگەن ھۆكۈمگە يىغلىشىڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟! ئەگەر دۇنيايىم قالدى دەپ ھەسرەت چېكىۋاتقان بولساڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن زارلىنىشقا ئەرزىمەيدۇ. سەندىن ئاۋۋال تېخىمۇ كۆپ دۇنياغا ئىگە بولغانلارمۇ بىر تىنىجىق بىلەنلا دۇنيادىن كەتكەن. دۇنيانىڭ بارلىق بايلىقى بىر ئادەمگە يىغىلغان تەقدىردىمۇ ئاخىرى ئۇنىڭغا ئىككى بوزلا تېگىدۇ. ئەگەر بىھۇدە تۇتۇپ كەتكەن ھاياتىڭغا ئېچىنىپ يىغلاۋاتقان بولساڭ، قانچىلىك يىغلىساڭ يىغلا، كۆزۈڭدىن ياش قۇرۇمىسۇن. لېكىن، كۆنۈك كېتىپ، تۈنۈك يېقىنلاشتى، ئو
70
ھەرگىز قايتىلانمايدۇ. قايغۇ-ھەسرەتنىڭ مېنىڭ غېمىمدە بولسا، ھەرگىز قايغۇرما، ئاللا سېنى ئۆز مېنى ياراتتى، يارالغۇچى ئۆلىدۇ، ياراتقۇچى مەڭگۈلۈك قالىدۇ. سەن مەن ئۈچۈن مېھرىبان ئۆز سېخى دادام ئىدىڭ. ياراتقۇچى ئاللا سەندىنمۇ مېھرىباندۇر. ئاللا سېنى يارىتىپ بەختلىك قىلدى. ساڭا بەخت بەرگەن ئاللا ماڭا بەرمەسمۇ؟! ئاللا خالىسا قەدەرسىز ئادەم قەدىرلىك بولىدۇ، كىچىككە ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ.
ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئايتولدى ئۇنىڭغا شۇنچە ئەقىل-پاراسەت بەرگەن ئاللاغا كۆپ شۈكۈر ۋە مەدھىيىلەر ئوقۇدى. ئۇ ئوغلىغا:
— ئوغلۇم، ئەمدى كۆڭلۈم تىندى. خۇدانىڭ پەزىلىتى بىلەن بەختلىك ياشا. ھەي خۇدا، ماڭا ھۆكۈمىڭ كەلدى، ئالدىڭغا بارىمەن. بىرلا ئوغلۇم بار، ساڭا تاپشۇردۇم. ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىل، ئۇنى بالا-قازادىن يىراق تۇت. ياماندىن يىراق قىلىپ، ياخشىغا ھەمراھ قىل. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن خاتىرجەم قىل.
ئايتولدى ئوغلىغا كۆڭۈل قېتىدىن ياخشى دۇئالار قىلدى. خۇدا كىمگە ئىنايەت قىلسا، ھەر ئىككى دۇنيادا سائادەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاللا ساقلىسا بالا-قازا ئىشكىمۇ يېپىقلىق بولىدۇ.
— ئوغلۇم، ئۆلۈمنى ئۇنتۇما، ئويغاق ياشا، تىرىكلىك شامالدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەن سەندىن ئايرىلىش ئالدىدا سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىشىڭ لازىملىقىنى تولۇق بايان قىلاي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا.
ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشنىڭ ئەقلى ۋە پاراسىتىدىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، قەلبىدىكى سۆزلىرىنى ۋەسىيەت سۈپىتىدە مۇنداق بايان قىلدى:
— ئوغلۇم، خۇداغا سېغىنىپ كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى تۈز تۇت. بۇ دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل، غاپىل بولما، ياخشى-يامانلىق ئاللانىڭ
ھۆكۈمى بىلەن بولىدۇ. قانداق تىلىكىڭ بولسا ئۆزىڭدىن تىلە، سەن ئۈچۈن ئۆزىڭدىن باشقا مەدەتكار يوق. سەن ئۆزىڭنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرەلىسەڭ، ئۆمۈرۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا سېنى ئەزىز قىلىدۇ. كۆڭۈل، تىلىكىنى كىچىك تۇت، چوڭ سۆزلىمە. مەنمۇ خېلى ياشىدىم، بىراق مانا كەتمەك بولۇۋاتىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى ئوبدان ئويلا. دۇنيا ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئۇرما، كىشىنىڭ مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالما. مەنمۇ يىغىشنىلا بىلىپتىمەن، ئىشلىتىشنى بىلمەپتىمەن. مانا ئەمدى مال-دۇنيالىرىم مەن ئۈچۈن يوق بولدى، سەن ئۆز جايىدا، ئورۇنلۇق ئىشلەت. مال-دۇنيانى ياخشى تۇتساڭ ھەر ئىككى دۇنيادا خارلىق كۆرمەيسەن. ئەگەر ياخشى باشقۇرالمىساڭ تاغمۇ توشۇمايدۇ، خارلىق تونىنى كىيىپ قالىسەن. ئىش-ھەرىكىتىڭنى توغرا قىلىپ، دۇرۇس ياشا. خوشاللىق دۇرۇسلۇققا باغلىق، بۇنىڭغا ئىشەن. دۇرۇس ياشاپ ئۆتكەن بىر كىشىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: بىر ئادەم كۈنلىرىم ھۇزۇر-ھالاۋەتتە ئۆتسۈن دېيىشكەن، توغرىلىقنى ئۆزىگە راۋا قىلسۇن. باي بولۇش مەقسىتىڭمۇ يەنىلا دۇرۇسلۇق يولى بىلەن يەتكىلى بولىدۇ. بۈيۈك، ئۇلۇغ ئادەم بولۇش ئۈچۈنمۇ دۇرۇس يول تۇتۇش كېرەك. ئوغلۇم ياخشى ئەمەللىرىڭ بىلەن دوزاختىن ساقلىنىشنىڭ قورغىنىنى بىنا قىل. يامانلىقتىن يىراق بولۇپ، ياخشىلىق يولىنى تۇتساڭ، ھەر قاچان ساڭىمۇ ياخشىلىق قۇچاق ئاچىدۇ. ھەرگىز يامانغا يېقىنلاشما، يامانلىق يىلانغا ئوخشاش چاقىدۇ. سىرىڭنى ئىككى يۈزلىمە ئادەمگە دېمە. ئۆيۈڭگە سۆخەنچى ئادەمنى يولاتما، ئۇ كۆرگەن-بىلگىنىنىڭ ھەممىنى ئەلگە يايىدۇ. سىنالغان ئىشەنچلىك ئادەمنى چىڭ تۇت، ئۆزىڭدىن ساڭا كۆپ پايدا يېتىدۇ. باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلا، بىراق ھەممىلا گەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە. ئۆزۈڭمۇ مەھكەم بولۇپ، سىرىڭنى يوشۇر. كىشىگە ھەسەت قىلما، ھەسەتخورلۇق ساڭا خاتىرجەملىك
بەرمەيدۇ.
ئوغلىم، ئەرگە ھەممە پېشكەلىك ئايالدىن كېلىدۇ. شۇڭا، ئايالنى چىڭ تۇتقىن، ئىشكىڭگە ھېزى بول. ئۆيۈڭگە ياتلارنى كىرگۈزمە، ئايالىڭمۇ سىرتقا چىقمىسۇن. كىشىلەرنى ئاۋۋال ئوبدان سىناپ، ئاندىن مۇئامىلە قىل.
تاۋار-مال توپلاشتىن ئاۋۋال خۇلقۇڭنى ياخشى قىل، خۇلقۇڭ ياخشى بولسا مال-دۇنيا ئۆزى كېلىدۇ. يامانغا بايلىق ياراشمايدۇ، ئۇ ھەر قانچە كۆپ بايلىق توپلىسىمۇ گاداي بىلەن باراۋەر. ئۆياتسىزغا مەندىن مىڭ لەنەتكى، ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇت. ئىش قىلىشتا سەۋر قىلىپ ھودۇقۇشتىن ساقلان، سەۋىرلىك كىشىلەرلا تىلەكىگە يېتەلەيدۇ. سىلىق، شېرىن سۆزلۈك بول، شېرىن سۆزلۈك ئادەم بەختكە ئېرىشىدۇ. تىلىڭنى ياخشى كۆزەت، كۆزۈڭنى ئەسكى ئىشلارغا قاراتما. گېلىڭغا ھېزى بول، ئاز-ئاز يېيىشكە ئادەتلەنگىن. خەلقنىڭ مال-مۇلكىدىن، ئاممانىڭ توپلىغىدىن يىراق قاچ. بەگلەرنىڭ ياخشى گېپىنى دە، يامان گېپىنى قىلما. ئۆزگە ھەم ياتلارغا زىيان سالما، قۇرۇق ھەۋەسكە بېرىلمەي، ياخشىلىق يولىنى تۇت. ھەر قانداق ئىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن ئاخىرىنى ئوبدان ئويلا. ئاچچىقىڭ كەلسە، سەۋر قىلىپ ئۆزۈڭنى بېسىۋال. ئادەم بۇزۇلغان ئىشنى سەۋر بىلەن توغرا يولغا سالالايدۇ. سەۋىرنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلغان كىشىلەر: سەۋىرلىك ئادەم تىلەكىگە يېتەلەيدۇ، چىداپ تۇرغان ئوقچىلا ياخشى ئوققا ئېرىشەلەيدۇ. سەۋر قىلساڭ قايغۇ-ئەلەمنىڭ ئاخىرى خۇشاللىققا، مۇشكىللۈكنىڭ ئاخىرى ئوڭۇشلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. دۆلەت ئىشىكى يېپىلىپ قالسا، سەۋر قىلساڭ ئاخىرى يەنە ئېچىلىدۇ. سەۋر قىلىش ئىنسانغا خاس خۇسۇسىيەت، سەۋر بىلەن مىسالى كۆككە يول ئېلىش مۇمكىن، دېگەن. ئوغلىم، ھەرگىز ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالما، ئۆزۈڭنى ھەم ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالما. ئاممىۋى سورۇنلاردا بولساڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ گەپ قىل.
باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بولغىنىڭدا ئۆزۈڭنى ياخشى كۆزەت، ئۆزۈڭگە مۇناسىپ سۆزلە، كىرىمىڭگە قاراپ چىقىم قىل. ھەرگىز يالغان سۆزنى تىلىڭدىن چىقارما، يالغان سۆز سېنى خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭغا يېقىنلىقنى يەتكۈز، چوڭ-كىچىكلەرگە سۆيۈنچە بېرىپ، كۆڭلىنى ئال. ئاش-تۇزۇڭنى كەڭرى قىل. كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى كۆرسەڭ يوشۇر، ھەرگىز ئاچقۇچى بولما. ئىبادەتكە چىڭ بولساڭ، گۇناھدىن يىراق بولىسەن. ئاللانى يادىڭدىن چىقارما. بەختكە ئېرىشكەندە كىبىرلىك قىلما، يەنەلا ياخشىلىق يولىنى تۇت، يامانلىق قىلما. بۇ ئۆتكۈنچى جاھانغا گۈل بولما، چۈشتەك ئۆتۈپ كېتىدىغان ھاياتقا، قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدىغان بەختكە ئارتۇق چوقۇنما. ھاياتىڭنى زايە قىلماي، ھەر بىر كۈنۈڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ياخشىلىقنى ئۆزۈڭگە كەسىپ قىل. ھەرگىز مەيگە يېقىن يولىما. بۇزۇقچىلىق يولىنى تۇتما، زىنا قىلىپ، پاسىق دېگەن نامغا قالما. يوقسۇللاردەك ناچار قىلىقلار سەندىن مۇبارەك بەختنى ئېلىپ كېتىپ، پېقىرلىق تونىنى كىيدۈرىدۇ. بېشىدىن كۆپ ئاچچىق ساۋاق ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ بۇ توغرىدا نىمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: مەي ئىچمە، زىنا قىلىشتىن ھەزەر قىل، بۇ ئىشلار ساڭا گادايلىق تونىنى كىيدۈرىدۇ. ھاراق مىڭ خىل گۇناھقا پاتۇرىدۇ. زىنادىن يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ، بەخت قاچىدۇ.
ئەي ئوغلۇم، دېيىشكە تېگىشلىك سۆزلىرىمنىڭ مۇھىملىرىنى ساڭا دېدىم. دېگەنلىرىم سەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم سۆزلەردۇر، سۆزلىرىمگە ئىشەن. سۆزلىرىمنى يادىڭدا تۇتۇپ، ئەمەل قىلالساڭ بەخت يولۇڭ ئېتىلىپ قالمايدۇ. بۇلار مېنىڭ ساڭا قالدۇرغان ۋەسىيىتىم. بۇلارنى قەلب دەپتىرىڭگە پۈتۈۋالغىن.
74