تىزىملىك
تىل تاللاش:
2-قىسىم 9-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئايتولدى (ۋەزىر) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىك خىزمىتىگە كىرگەنلىقى

Ögdülmishning Kuntoghdi Ilig Xizmitige Kirgenliki

كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىغا داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. مۇراسىمدىن كېيىن، ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا تارتىپ تەسەللى بەردى:

ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى

كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىغا داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. مۇراسىمدىن كېيىن، ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا تارتىپ تەسەللى بەردى:

— ئوغلۇم، ئارتۇقچە غەم يېمىگىن، بۇ غەملەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، شادلىق كېلىدۇ. بۇ قايغۇ ساڭىلا كەلمىدى، بۇ يوقىتىش ماڭىمۇ تولا ئېغىر كەلدى. روھىڭنى چۈشۈرمە، ئۆزۈڭنى ئەركىن تۇت. يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىل. بۈگۈندىن كېيىن مەن ساڭا دادا بولاي، سەن مېنىڭ ئوغلۇم بولغىن.

— ئەي ئىلىگ ئاتا، — دېدى ئۆگدۈلمىش يەر سۈيۈپ، — مەن ئۆزۈك تەربىيىلىگەن قۇلۇڭمەن. جېنىم سەن ئۈچۈن پىدا بولسۇن. دادام ئۆزىنى سېنىڭ خىزمىتىڭگە پىدا قىلغان ئىدى، ئاللا مەن قۇلۇڭنىمۇ سېنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلسۇن.

ئۆگدۈلمىش دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەسىيەتنامىنى چىقىرىپ، ئىككى قوللاپ ئەدەپ بىلەن ئىلىگگە سۇندى. ئىلىگ ۋەسىيەتنامىنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇدى. نامىنى ئوقۇپ بولۇپ، قاتتىق ھەسرەت چېكتى:

— ئىسسىت، زېرەك قېرىندىشىم، مېھرىبان ئادەملەرنىڭ سەرخىلى ئىدىڭ. ئىشىكىمنى بوش قالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنى قۇرۇتتۇڭ. ھاياتلىقىڭدا خىزمىتىمنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن ئىدىڭ، مانا ئۆلۈش ئالدىدىمۇ غېمىمنى يەپسەن. مەن

سېنىك ھەققىڭنى قايتۇرالمىدىم. ئەجرىڭنى ئاللا ئۆزى بەرگەي.

كۈنتۇغدى ئېلىك سۆزىنى زورغا توختاتتى. ھەسرەت ياشلىرىنى كۆز چاناقلىرىغا لىق تولدۇرۇپ ئەلەملىك ھالدا ئۆيگە كىردى. شۇ پېتى غەمگە پېتىپ، ئىشىكنى تاقاپ، نەچچە كۈن سىرتقا چىقمىدى.

تۆگۈلۈمىش دادىسىغا نەزىر-چىراغ قىلىپ، يوقسۇللارغا يىمەك ھەم پۇل ئۈلەشتۈردى، قەلبىدىكى قايغۇ يارىسىنى ئاشۇنداق يەڭگىللەتتى. ئۇ ياخشى كىشىلەردىن دوست تۇتتى. دادىسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى يادىدا تۇتۇپ، توغرا يولدا ماڭدى. بارا-بارا ئۇنىڭ بەختى ئېچىلىشقا باشلىدى. «داداڭنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئىش تۇتساڭ، كۆڭلۈڭ بەخت ئىچىدە ئۆتكەي. ئاتا-ئاناڭنى خوش قىلىپ، خىزمىتىنى ياخشى قىلساڭ، بۇ خىزمىتىڭ بەدىلىگە تۈمەن مىڭ پايدىغا ئېرىشكەيسەن» دېگەن تەۋسىيەلەر توغرا ئىكەن.

كۈنتۇغدى ئېلىكمۇ ئويغىنىپ غەيرەتكە كەلدى. كۈندىن-كۆنگە ياخشى قانۇنلارنى چىقىرىپ تۈردى، خەلقى بېيىپ، دۆلەت ئىشلىرى يۈرۈشۈشكە باشلىدى. خەلقمۇ ئېلىككە قۇتلۇق دۇئالارنى قىلدى.

* * *

كۈنتۇغدى ئېلىك بىر كۈنى كىتاب ئوقۇپ يالغۇز ئولتۇراتتى. بىر ھازادىن كېيىن قولىدىكى كىتابنى قويۇپ، كۆزىنى ئۇزاقلارغا تىكتى. بىراق، ئەقلى چىڭىلىپ، تەپەككۇرى توسۇلدى. كۆڭلىدە يىغىلىپ قالغان گەپلىرىنى دەپ سىردىشىشقا سىرداش ئادەم تاپالمىدى. شۇنداق روھىي ھالەتتە ئايتولدىنىڭ پەزىلەتلىرىنى يادىغا ئېلىپ: «ئىسسىت، ئەرلەرنىڭ سەرخىلى، ئوردامنىڭ گۈلى، ياخشى ھەمراھىم ئىدى. ئۇنىڭ ئورنى بوش قېلىپ، ياخشى دېلكىشىمدىن ئايرىلدىم. ئۇنىڭ ئورنىنى ئەمدى

84

«كىم باسالار؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى. شۇئان ئونىڭ خاتىرىسىگە ئۆگدۈلمىش كېلىپ، «ئەجەب ياخشى، بۇ ئىشنى نېمانداق ئۇنتۇپ قالغاندىمەن. ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى. دادىسى كەتكەن بولسا، ئونىڭ ئوغلى بارغۇ، ئەمدى ئونى يېنىمغا تارتاي» دېگەن ئوي ئونىڭ خىيالىدىن كەچتى.

ئىلىگ شۇلارنى خاتىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، تېزدىن ئۆگدۈلمىشنى چاقىرىپ كېلىشكە مۇلازىم ئەۋەتتى.


ئۆگدۈلمىش ئىلىگنىك ئەمرىگە بىنائەن، دەرھال ئوردا غا كىرىپ كۈنتۇغدى ئىلىگكە كۆرۈنۈش قىلدى. ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئونى يېنىغا چاقىردى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى:

— ئوغلۇم، داداڭدىن كېيىن بۇ زاماندىن نېمىلەرگە ئىگە بولدۇڭ، كۆڭلۈرۈڭ قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، خۇشال ئۆتۈۋاتامسەن ياكى غېمىڭ بارمۇ؟

— ھەي بەختلىك ئىلىگ، ئوزۇن ئۆمۈر كۆرگىن، نامىڭ جاھانغا يېيىلسۇن. زامان يۈز ئۆرۈپ، قاپاق تۆرگەنلىكتىن سېنىڭ ئىشىگدىن چەتتە قالدىم. ئوزۇن بولدى دىدارىڭنى كۆرەلمەي قايغۇدا يۈردۈم. بۈگۈن مېنى ياد ئېتىپ چاقىرتانلىقىڭ ئۈچۈن بەخت ماڭا ئۈمىد بەلۈگۈنى باغلىدى. يارلىقىڭنى ئاڭلاپ كۆزۈم يورۇپ كەتتى، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش.

— ھەي ئوغلۇم، بۈنىڭدىن كېيىن كۆڭلۈڭنى چۈشۈرمەي مېنىڭ خىزمىتىمدە بول، — دەپ ئەمر قىلدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشكە، — داداڭنىڭ مەندە كۆپ خىزمەت ھەققى بار ئىدى، ئونى تېخى ئادا قىلغۇدەك بولالمىدىم. خەقلىرىڭنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالماي، داداڭنىڭ ھەققىنى ساڭا قايتۇراي. ئۈچ ئوردادا بېگى: بىر

85

كىم سېنىڭ ئەمگىكىڭنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئەمگىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇما. ئېسىل كىشى بولساڭ كىشىلىكنى تاشلاپ قويما. ئادەمچىلىككە ئادەمچىلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن ئادەمنى ھايۋان ئاتىسا بولىدۇ. يۈر، ھايۋان ئاتالماي دېسەڭ ئادەمچىلىكنى تاشلىما، ئادەم ئادەمچىلىك بىلەن ئاتالدى، ئادەمچىلىك بىلەن نام تاپتى، دېگەنىكەن.

— ھەي ئىلىگ ئاتا، سېنىڭ نەزىرىڭگە ئىلىنىشىم مەن ئۈچۈن بەخت. مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، سەن مېنىڭ ئۇلۇغ بېگىم. ئۇلۇغ بەگ دېگەن ئۆز خىزمەتچىسىنى قەدىرلەيدۇ. سەن مېنى قەدىرلە ياكى خار كۆر، مەن ئۆزۈمنى ساڭا ئاتا قىلغانمەن.

ئۆگدۈلمىش ئىلىگ بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆگدۈلمىش خىزمەت كەمىرىنى چىڭ باغلاپ، دۆلەت ئىشىغا دادىل كىرىشىپ كەتتى. سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، تاماقلىرىنى كۆزەتتە تۇرغان جايدا يەپ راسا ئىشلىدى. ئۇنىڭ خىزمىتى ئىلىگ خانغا ياراپ كەتتى. ئىلىگ ئىشەنچ بىلەن ئىشىك ئېچىپ دۆلەت قولىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. خىزمەت قىلىپ دۆلەت ئېتىنى مىڭگەن بىر كىشى مۇنداق دېگەن: ھەي بەگلەرنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەن كىشى، ئىشىڭنى بەگلەرنىڭ خاھىشى بويىچە قىل. بېگىڭ خالىماس ئىشنى قىلىپ، ئازار يېسەڭ گۇناھىڭ ئۆزۈڭگە بولىدۇ، ئەگەر بېگىڭ خالىمىغان ئىشنى قىلساڭ، ئاران ئېرىشكەن ھاياتلىقنى زايە قىلمىسەن.

* * *

كۈنتۇغدى ئىلىگ بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى: دەربىخا! كامىل كىشىنى يوقىتىپ، ئىشلىرىمغا تېخى

ياراملىق بېرە رسىگە ئېرىشە لمىدىم ، ئىشلىرىم بوز ئۇلۇۋاتىدۇ . بوني بايقاپ ، ماڭا كۆيۈنۈپ ئىشلە يدىغان ئادىمىم قېنى . ياخشى-ياماننى بىلىپ ، سىناقتىن ئۆتكۈزگە ن كىشىلەر : ەە ر قانداق ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ ، تىلىگە ندە ك ياخشى ئادە مگە يە تمە ك تە س ، دە پ ئە جە ب توغرا دە پتيکە ن . يۈرگە نلە رنىڭ ەە ممىسى قارىماققا ئادە مدە ك كۆرۈنىدىكە ن ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ەە قىقىي ئىشە نچلىك بېرە رسنى تاپقىلى بولمايدىكە ن .

شۇنداق خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرغان ئىلىكنىڭ يادىغا بىر مە سە ل كەلدى : « ئۇرۇقلۇق كىشى ئۆلسە ئۇرۇقى قالۇر . » ئۇ دە رەال ئۆگدۈلمىشنى خىيالىغا كە لتۈردى .

«توغرا ، — دېدى ئۇ ، — يە رگە نېمە تېرىسا شۇ ئۈنىدۇ . ئوغۇلنىڭ قىلىقى ئاتىسىغا ئوخشايدۇ . ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ ئوغلىغۇ ، ئۇنىڭ دادىسى كە تتى ، ئورنى بوش قالدى . ئۆگدۈلمىش بۇ بوشنى تولۇقلىسۇن . مە ن ئۇنى تە ربىيىلە ي ، ئۇ ئادەم بولسۇن ، ياراملىق ئادە م بولۇپ قالسا ئە لگە پايدىسى تېگىدۇ . ئۇ خېلى ياراملىقتەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ھازىر كىچىكلىكتىن باشقا ئە يىبى يوق . خە لقنىڭ كاتتىسى بولغان ئىلى بە گي : بە گلە ر ئۆز قولى بىلە ن يېتىشتۈرگە ن ئادە م ، باشقا باش قوشۇپ ، بە گلىكنىڭ ياراملىق ئىز باسارى بولىدۇ ، دېگە ن . دۆرۈس ، ماڭا ئە مدى باشقا چارە يوق . ئۇنى ئۆز قولۇم بىلە ن يېتىشتۈرسە م ياراملىق ئە ر بولىدۇ . بۇنىڭ بىلە ن ئايتولدىنىڭ ەە ققىنىمۇ ئۆتىگە ن بولىمەن ، ئادە مچە تچىلىك قە رزىمىمۇ ئادا قىلغان بولىمەن . ھە قىقىي ئېسىل ئە ر ياخشىلىقنى ئۇنتۇمايدۇ ، ياخشى ئۇرۇقلۇق ئادە م ئاپاسىز بولمايدۇ . »

كۈنتۇغدى ئىلىك بىر قارارغا كېلىپ ، ئۆگدۈلمىشكە ياخشىلىق وە يامانلىقنىڭ ەە ممىسىنى سۆزلەپ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى . ئۇنى ئە ززە تلە پ ، يوقىرى ئورۇن بە ردى . ياخشى قانون يولغا قويۇلۇپ ، زامان ئۇنىڭغا يار بولدى . يامانلار توزۇلۇپ ،

87

ئىچكى ئىشلار، قانونلار تەرتىپكە چۈشتى. ئوردىنىڭ ئېتىلگەن ئىشكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆگىدۈلمىش ئۈچۈن ئېچىلدى.

« ھەبەلى، — دېدى ئىلىگ ئۆز-ئۆزىگە، — ئەمدى ئىشلىرىم تىلىگىنىمدەك بولىدىغان بولدى. ئۆگىدۈلمىشتە قابىلىيەت بارلىقىنى سەزگەن ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ئېھسان قىلدىم، ئۇنىڭ ئىشلىرى كۈتكىنىمدەك چىقتى. قورامىغا يەتكۈچە قابىلىيىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. مەرد ئوغلاننىڭ مەردلىكى تۇغۇلۇشىدىن دېگەندەك، كىچىك بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغلۇقنىڭ نىشانى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ياراملىق نەرسىنىڭ بەلگىسى كىچىكىدىن، دەرەخ مېۋىسى چېچىكىدىن مەلۇم ئەمەسمۇ؟! »

ئىلىگ بىر كۈنى ئۆگىدۈلمىشنى يېنىغا چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى قالدۇرماي ئۇنىڭغا ئېيتتى. ئاندىن ئۇ ئۆگىدۈلمىشكە خىتاب قىلىپ:

— ئوغلۇم، ئەمدى سەندىن سورايىدىغان بىر قانچە سوئالىم بار، كۆڭۈل قويۇپ جاۋاب بەرگىن، — دېدى ئۆتگۈرمىش، — ئادەم ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق نەرسە نېمە؟ ئەڭ زىيانلىق ئىش قايسى؟ ساناپ بەرگىن، — دەپ سورىدى.

— ھەي بىلىمنىڭ ئوردىسى، كىشىلەرنىڭ ياخشى بېگى، جاھاندا مۇنداق ئۈچ ئىش كىشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. بىرىنچى، ياخشى ئىش، ياخشى ئەمەل. ئىككىنچى، ئويەت. ئۈچىنچى، توغرىلىق. بۇ ئۈچ پەزىلەت بىلەن كىشىلەر قۇتلۇق كۈنگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئىش-ھەرىكىتى ياخشى بولسا، ئۇنى ھەممە كىشى سۆيىدۇ، مىجەزى توغرا بولسا، تۆردىن ئورۇن ئالالايدۇ ۋە ھەر ئىككى دۇنيادا سائادەتلىك بولىدۇ. ھايا ۋە نومۇس بارلىق يارامسىز قىلىقلارنى يۇيىدۇ. ئويەتسىزلىق دېگەن تەگدىشى يوق مەخەز كېسەل. ئىنسانغا زىيانلىق مۇنداق ئۈچ ئىش بار. بىرىنچى، كاجلىق بىلەن ياۋۇزلۇق. ئىككىنچى، يالغانچىلىق. ئۈچىنچى، بېخىللىق. بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىسى

88

بىلىمسىزلىكتىن بولىدۇ. ئادەم كاج، ياۋۇز بولسا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تەتۈرگە ماڭىدۇ. يالغانچىلىق بىلەن ئاتالغان كىشىنىڭ يامان نامى ئۆلگۈچە ئۆچمەيدۇ. دۇنيادا بېخىللىقتىن يامان يەنە نېمە بار؟! بېخىل يېمەي-ئىچمەي، كىيمەي يىغىدۇ، ئۆزى ئۆلىدۇ، مال-دۇنياسى قالىدۇ. بىلىمسىزلەر قولى يېپىق بەختسىز بىچارىلەرگە ئوخشاپ: «يىغىشنى بىلدۇق، يېيىشنى بىلمىدۇق، ئەلگە كىچىككىنە يارماقمۇ بەرمىدۇق، مانا ئەمدى يېگۈچىلەر تەييار بولدى» دېگەن. دېمەك، بۇ ئۈچ يامان ئادەت كىمدە بولسا نامىمۇ ئۆچىدۇ، بەختىمۇ يىتىدۇ.

— ئادەم ئاندىن تۇغۇلۇشىدىنلا بىلىملىك بولۇپ تۇغۇلامدۇ ياكى يېشى يېتىلگەنسېرى ئۆزى ئۆگىنەمدۇ؟ — دەپ ئىچكىرىلەپ سورىدى كۈنتۇغدى ئۆگدۈلمىشنىڭ پاراستىنى تېخىمۇ ياخشى سىناپ كۆرمەك بولۇپ.

— ئالىملىرى، بىلىم بىلەن ئەقىل پەزىلەتنىڭ نامىدۇر، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — ئادەم ئاندىن بىلىمسىز تۇغۇلىدۇ، ياشاش جەريانىدا بارا-بارا ئۆگىنىپ تۈرگە چىقىدۇ. بىراق ئەقىلنى ئۆگەنغىلى بولمايدۇ، ئەقىلنى ئاللا شۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ بىللە يارىتىدۇ. ئەقىلدىن باشقا بارلىق ئىشلارنى ۋە پەزىلەتلەرنى ئادەم ئۆگىنىش ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزىدۇ.


بۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، كۈنتۇغدى ئۆگىنىشكە ئىشتىياقى تېخىمۇ ئاشتى، ئۇ ئۆگىنىشتىن تولىمۇ سۆيۈندى. «مەن ئەمدى تىلىكىمنى تاپتىم، — دەيتتى ئۇ خۇرسەنلىكتە، — دادىسىنى يىتتۈرۈپ قويغانىدىم، بۇ ئوغۇل ياخشى يول تېپىپ دادىسىنىڭ ئورنىنى باستى. بۇنىڭ ئۈچۈن…

89

خوداغا شۈكۈرلەر ئېيتىپ، خەلقىمگە تېخىمۇ ياخشى قانۇنلارنى تۈزۈپ بېرىي. ئۆگدۈلمىش ھەقىقەتەن مېھرىباندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ئىشلارنى ھەقىقىي دۇرۇسلۇق بىلەن ئادا قىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ جاۋابەن بىر ياخشىلىق قىلاي، ئۈمىد قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن مەمنۇن بولسۇن. تاللانغان ئاقىل كىشىلەر بىلىپ: ئادىمىيەتلىككە ئادىمىيەتلىك بىلەن ئادىل جاۋاب قايتۇر - ئاپاغا ئاپا قىلىش ئادىمىيىلىك بۇرچ، دېيىشكەن.»

شۇنىڭدىن تارتىپ كۈنتۇغدى ئېلىك ئۆگدۈلمىشنى تېخىمۇ ئەزىزلىدى. ئۆگدۈلمىشنىڭ ئەل ئارىسىدىكى ئابرۇيىمۇ ئۆسۈپ، بەگلەر ئارىسىدىمۇ، تەكتۈشلەرنىڭ قاتارىدىمۇ ئۇلۇغ ناملار بىلەن ئاتىلىشقا باشلىدى، ئەل-جامائەتمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. ئۆگدۈلمىش كىچىك پېئىللىقى بىلەن ھەممە ئادەم بىلەن چىقىشالايتتى، باشقىلارنىڭ دىلىنى ئېرىتەلەيتتى. ئۇنىڭغا يۆلەك بولىدىغان ۋە ياردەمدە بولىدىغان دوستلىرىمۇ كۆپەيدى.

كەمتەر ئادەم نېمىدىگەن بەختلىك، ئالىملارغا كەمتەرلىك نېمىدىگەن يارىشىدۇ-ھە! بەخت دېگەن ئەزەلدىن كۆچمەننىڭ ئېتىدەك بىر ئىزدا توختىمايدىغان نەرسە. ئۇنىڭ يىلتىزىنى پەقەت كىچىك پېئىللىق بىلەن چىڭىتقىلى بولىدۇ. كەمتەر، مۇلايىم ئادەم نېمىدىگەن چىرايلىق، ئىشلىرى نېمانچە تۈزۈك، تەكەببۇر ئادەمنىڭ تىنتەكسىزلىقى ئۆزىنى قانچىلىك پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ-ھە! بەخت دېگەن ئەقىللىق ئادەمگە تولىمۇ يارىشىدۇكەن. مۇنۇ سۆزلەر ئەجەب جايىدا ئېيتىلغان: بەخت كەلسە نادانغىمۇ يارىشىدۇ، بىلىملىك ئادەمگە تېخىمۇ ئارتۇق يارىشىدۇ. بىلىمسىز دۆلەت بىلەن بۈيۈكلۈككە ئېرىشەلىگەن يەردە، بىلىملىك ئادەمگە دۆلەت كەلسە نام-شۆھرىتى تېخىمۇ زوراي مامدۇ؟ بىلىمسىز، نادان ئادەمگە دۆلەت ۋە ئامەت كەلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ دۆلەت ھەرگىزمۇ ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بولۇمسىز ئادەم ئۆزىگە كەلگەن بەختنى يېنىدا بىر كۈنمۇ تۇرغۇزالمايدۇ.

90


كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىشلىرىنى توغرا تاپتى. لېكىن، ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق سىناپ كۆرمەك بولۇپ، بەزىدە ئۇنى قەدىرلەپ، ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى، بەزىدە قەستەن يامان كۆرۈپ، ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ باقتى. ئۆگدۈلمىش بولسا قەدىرلەنگەندىمۇ ئۆزىنى رەنجىتمىيەتتى، خار كۆرۈلگەندىمۇ ئۆز ئىشىنى ئاقساتمايتتى، ھەر قانداق چاغدا سادىقلىق بىلەن ئېلىگگە قالقان بولاتتى. خەزىنىدار بولغاندا ئەلىنىڭ ئامانىتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلاتتى، ھېسابلارنى ئېنىق تۇتاتتى، ھەر قانداق ئىشنى جاي-جايىدا قىلاتتى. ئۇ دۆلەت خەزىنىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆزى ئوبدان كۆزەتەتتى، خىزمەتتە ھەرگىز نېپسىگە چوغ تارتمايتتى. تۇرمۇشتا كەم ئۇچرايدىغان كامىل كىشىلەر شۇنداق دېگەنكى: ئادەم ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈش تولىمۇ قەدىرلىك، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى ئۇنىڭدىنمۇ قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىنىدىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي چىن بەختكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق چىن، دۇرۇس ئادەمنى كۆزۈڭگە سۈرتسەڭ ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق قىلىپ: كۆيۈمچان ئادەمگە جاننى پىدا قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ، دېگەن.

شۇنداق، كىشىلەر توغرىلىق، دۇرۇسلۇق ھەققىدە سۆزلىشىدۇ، شۇ توغرىلىق، دۇرۇسلۇق نەدە؟ ئۆزىگە ئامانەت قويۇلغان كۈنى ئۆزىنى دۇرۇس تۇتالمىغان يەردە. ھەقىقىي كامىل ئەركەكنى ئىزدىمەكچى بولساق، قىلىقى دۇرۇس بولسا كامىل ئەر دېگەن شۇ. ماختاشقا مۇناسىپ ئەر سېخى ئادەمدۇر، بېخىل بولسا سۆكۈشكە نىشاندۇر. ئادەم بالىسى نېمىدېگەن بىچارە-ھە! ئۆمۈر بويى دۇنيا يىغىدۇ، يېيىشكە نېسىپ بولمايدۇ. بېزىلەر تىنماي

يۆگۈرۈپ جاھان كېزىدۇ، بەزىلەر جېنىنى پىدا قىلىپ دېڭىز ئاستىغا كىرىدۇ. بەزىلەر تاغ قېزىپ، قىيالار تۆشۈپ بارىدۇ، يەنە بەزىلەر يەر غولاچلاپ يالاڭ ئاياغ يۆگۈرەيدۇ. بەزىلەر دەريا كېچىپ، داۋانلار ئاشىدۇ، بەزىلەر سۇ دەپ قۇدۇق قازىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇرۇشتا قىلىچ-پالتا يەيدۇ، بەزىلەر قەلىئە ساقلاپ قېرىپ كېتىدۇ. بىرى ئوغرىلىق، قاراقچىلىق قىلسا، بىرى باسمىچىلىق، قاتىللىق قىلىدۇ. يەنە بىرى مەككارلىق، ئالدىمىچىلىق بىلەن جان باقىدۇ. ئۇلار شۇ كېيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ۋەسۋەسىسىدە شۇنچە زەخمەتلەرنى چېكىپ، مال-دۇنيا توپلايدۇ-يۇ، ئۆزى يېمەيدۇ. ئۆلىدىغان ۋاقتىدا ئەپسۇس دەپ پۇشايمان يەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى بىلىمسىزلىك، نادانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. بىلىمسىز ئىنسان ھايۋان ئوخشاشتۇر. خۇداغا ئىشەنگەن بىلىملىك كىشى بولىدىغان بولسا، شۇنچە جەبىر-جاپادا ئېرىشكەن نەرسىلىرىنى ئوبدان يەپ ئىچىدۇ. تەجرىبىلىك ئاقىل كىشىلەر ئېيتىدۇكى، خاھى سەن دۇنيا دەپ كېچە-كۈندۈز چاپ، خاھى ئۇخلاپ يات، قىسمىتىڭ نېمە بولسا شۇنىڭغا ئېرىشسەن. دانا بولساڭ تىلىڭ ۋە دىلىڭنى دۇرۇس تۇتقىن، يېمەك-ئىچمىكىڭ ھەرگىز تۈگەپ قالمايدۇ، دۇنيا نېمەتلىرىگە توغرىلىق بىلەن يېتەلەيسەن، باقىي دۇنياغىمۇ توغرىلىق بىلەن ئېرىشەلەيسەن. ئەقلى يېتىلگەن، دۇرۇسلىق بىلەن جاھان سورىغان كىشىلەرمۇ: دۇنيا بايلىقىغا ئېرىشمەك بولساڭ دۇرۇس بول، توغرا سۆز قىل، تىلىڭ ۋە دىلىڭ دۇرۇس بولسا ئۇ دۇنيامۇ سېنىڭ، دېگەن.

ھەي ئەقىللىق، سەپ سال، توغرا ھەرىكەتنىڭ خاسىيىتىدىن كىشىلەرنىڭ كۈنى نېمىدېگەن چىرايلىق ئۆتىدۇ-ھە! شۇڭا، ئىشلىرىڭنى توغرىلىق بالاغىتى بىلەن قىلغىن، ئىشلىرىڭغا ئادەمىيلىك ئۈلگىنى سالغىن.

بەخت ئۆگدۈلمىشنى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈشكە باشلىدى. خەلقلەرگە پەرمان چۈشۈرسە ئىجرا قىلىندى، ئېلىنىڭ دەرىگە

قولاق سالدى، ئېلىگمو ئونى ھەممە جەھەتتىن سىنىدى، پاراسەت بىلەن كۆزىتىپ، جىمى ئىشتىكى كامالىتىنى كۆردى. ئوگدۇلمىشنىڭ ساداقەتلىكى، سەمىمىيلىكىگە تولۇق ئىشەنچ ھاسىل قىلدى. پاراسەت ئىگىلىرى دېگەننەدەك: بەگلەر خادىملىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى، تېگى-تەكتىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن خىزمەتكە سېلىشى لازىم. خادىملارنىڭ ياراملىقلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا قەدىر-قىممەت يولىنى ئاچسا بولىدۇ، شۇندىلا ئىشنى جايىدا بېجىرگەن خادىممۇ يۈكسىلىدۇ، بەگنىڭ نامىمۇ ئۇلۇغلىنىدۇ. پاراستى ۋە ئىلمى ھەممىگە يېتىدىغان ياغما بېگى: ھەي بەگ ئىشلىرىنى ئىش بىلىدىغانلارغا، ياراملىق، توغرا، دۇرۇس كىشىلەرگە يۈرەكلىك بىلەن تاپشۇر. قايسى بەگ يارامسىزلارغا ئىش تاپشۇرغان بولسا، يارامسىز دەل شۇ بەگنىڭ ئۆزىدۇر. تەڭرى كىمنىڭ بەختىنى يۈكسەلدۈرىمەن دېمىسە، ئۇنىڭغا تۇشقان ياراملىق خادىملارنى ئاتا قىلىدۇ. كىمنىڭ بەختىنى يەرگە ئۇرماقچى بولىدىكەن، يالجاماس خىزمەتچى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئىزىدىن چىقىپ، بالا-ئاپەت تۇتۇنى كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن.

ئىلىگ ئوگدۇلمىشقا تولۇق ئىشەندى، ئونى قەدىرلەپ، بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. قولىنى پۈتۈن ئەلدە ئوزۇن قىلدى، گەپ-سۆزى ھەممىگە ئۆتىدىغان بولدى. ئىلىگ ئونى شۇنداق قەدىرلەپ، خاتىرجەم ھالدا يوقىرى مەرتىۋىگە قويۇپ، تامغىنى تۇتقۇزدى، ياسساداق ئات بەردى ۋە مەرتىۋە تونىنى كىيدۈردى. ئۇنىڭغا ياخشى سۆزلەر بىلەن يوللۇق يارلىقلارنى بېرىپ، ئۆزىگە يېقىن تۇتتى. ئوردىدىكى لەشكەرلەر، مولازىملار بولسۇن، مەرتىۋىلىك ۋە مەرتىۋىسىزلەر بولسۇن، جېنىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىشقا تەييار بولدى. خادىملار يوليورۇق سوراپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، ھەدىيىلەر تەقدىم قىلدى. ئوگدۇلمىش ياخشى ئەمىر-پەرمان چۈشۈرۈپ، قول ئاستىدىكىلەرنى تۆھپىگە

93

يارىشا تارتۇقلاپ توردى، خەلق ئۈستىدىكى بارلىق زورلۇق-زومبۇلۇقلارنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۆزىنى يارامسىز ئىشلاردىن نېرى تۇتتى. ياخشى قانۇن بىلەن مەملىكەت تۈزەلدى، ئېلىنىڭ ئۆلى مۇستەھكەملىنىپ، ئېلىگ پاراغەتكە چۆمدى. ئېلىنى ھىمايە قىلغۇچىلار كۆپەيگەنلىرى، ھىمايە قىلمايدىغان دۈشمەنلىرى ئېلىنى تاشلاپ قاچتى، ئېلىدىكى تۈمەن سۆزۈلدى. ئېلىگ غەمدىن پارىغ بولۇپ، خاتىرجەملىككە ئېرىشتى، تۇرمۇشىمۇ ھۇزۇر ۋە لەززەت تاپتى. بۇ پايدىلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىلىمدىن، پاراسەت ۋە ياخشى خۇلقنىڭ خاسىيىتىدىن بولدى. پاراسەتلىك كىشىلەرنى ماختىماي، پاراسەتسىزلەرنىڭ ئىشىنى سوكمەي بولامدۇ؟! پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشى نەمۇنە، نادانلارنىڭ ئىشى بەمەنەيدۇر. ئەقىللىقلارغا بەخت نېمىدىگەن ياراشقان، ھەي ياخشى خۇلقلۇق كىشى بىلىملىكلەرگە ئىشەن. بۇ سۆزنىڭ ئاساسىنى ئېلى بېگى مۇنداق سالغان: ئىشەنگىنكى، دۆلەت ۋە بەخت بىلىمسىزلەرگە كېلىدىغان بولسا خەلق بوزۇلۇپ، ئەلگە ئاپەت ياغىدۇ. بەگلىك ئەقىل-پاراسەتلىكلەرگە نېسىپ بولسا، ئەل راھەت-پاراغەت تاپىدۇ.


كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ كۈنى تۇغۇپ، خۇداغا كۆپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى. كۆزىنى كۆككە تىكىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاغا: ماڭا پاراسەت ئاتا قىلغۇچى ئىگەمەسەن، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە بىلىم بېرىپ، ئەلگە ھاكىم قىلغۇچىمۇ سەن. ئىشلىرىمنى ئادالەت بىلەن قىلىشقا، پۇقرالىرىمنىڭ يۈكىنى يۈدۈپ، ياخشىلىق قىلىشىمغا مەدەتكار بولغايسەن، دەپ ئىلتىجا قىلدى. ئۇ پۈتۈن قەلبىنى ئاللا رازىلىقىغا ئاتاپ، يوقسۇللارغا كۆپ مال-مۈلۈك ئۈلەشتۈردى، پۈتكۈل ئاۋام بايلىققا ۋە باياشاتلىققا ئېرىشتى، كۈنلەر ۋە ئايلار

پاراغەت ئىچىدە ئۆتتى. ئادەمنىڭ سەرخىلى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ھەي ئېسسىت، مۇشۇنداق كىشىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ-ھە! مۇشۇنداق ئادىل بەگكە ئېرىشكەن خەلق نېمىدېگەن بەختلىك! بەختلىك ئەلگە بەگ بولغان ئادەم تېخىمۇ سائادەتلىكتۇر.

* * *

كۈنتۇغدى ئەلىگ بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئۆگدۈلمىش بىلەن سىرداشقىسى كېلىپ ئۇنى يېنىغا چاقىردى. ئۇ ئۆگدۈلمىشتىن:

— ماڭا قارا ئۆگدۈلمىش، داداڭدىن سەن كىچىك قالغانىدىڭ، كىچىكلىكىڭدە چوڭلار يول كۆرسەتەتتى، بىراق ساڭا داداڭنىڭ ئەجرى تەگمىدى. ئۇ ساڭا بىلىم، پاراسەت ئۆگىتىشكە ئۈلگۈرەلمىدى، مەنمۇ ساڭا ياردەم قىلالمىدىم. ماڭا ئېيتقىنا، بۇنچە پەزىلەت ساڭا نەدىن كېلىپ توپلاندى؟ — دەپ سورىدى.

— ئالىيلىرى، سەلتەنەتنىڭ ئۆمرى داۋام قىلسۇن، ئۆزۈن ئۆمۈر كۆرۈڭ، — دەپ تەزىم بىلەن جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — ئاللا كىمگە ئېنايەت بەرگەن بولسا، ئۇ تىلىكىگە يېتىپ، نام-شۆھرىتى ئاشىدۇ. خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن كۈندىن-كۈنگە ئىشى يۈرۈشۈپ يۈكسىلىدۇ. تۈركچە بىر مەسەلدە بۇ مەنىگە مۇناسىپ مۇنداق بىر سۆز ئېيتىلغان: خۇدانىڭ پەزلى بىلەن يۈكسەلگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى كۈنسېرى روناق تاپىدۇ، ئاللا ئۆزى ئاتا قىلغاننى خەلق بىرلىشىپمۇ، ئاسمان ۋە زېمىن ئۆچەكشىپمۇ تارتىپ ئالالمايدۇ. بىرى، ئاتىنىڭ ياخشى دۇئاسى ئوغلىغا تەگسە ھەر زامان خۇشاللىق يۈز ئاچىدۇ. دادام ماڭا خەيرلىك دۇئا قىلغان ئىكەن، بۇ دۇئانىڭ خاسىيىتى بىلەن مەن مانا بۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتىم. يەنە بىرى، قۇدرەتلىك ئىگەم سېنى

مېنىڭ كامالەت تېپىشىمغا سەۋەب قىلدى. شۇڭا ئىلىم-پەزىلەتتىن چەتتە قالمىدىم. پەلەك ئۆك ئايلىنىپ، ئۆزۈك مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن تەربىيىلىدىڭ ۋە يۇقىرى كۆتۈردۈڭ. بەگ كىمگە ئىلتىپات قىلىپ كۈلۈپ باقسا، تىلەكلەرىنىڭ ھەممىسى تەل بولىدىكەن. ئادەمنىڭ كۆڭلى باغقا ئوخشايدىكەن، بەگلەرنىڭ ياخشى سۆزى بىلەن نەسىھىتى سۇغا ئوخشاش كۆڭۈل بېغىنى ياشارتىدىكەن. قايسى باغقا سۇ ئۆكسۈمەي كىرىپ تۇرسا، ئۇ باغدا تۈمەن خىل گۈل-چېچەك ئېچىلىپ، خۇش پۇراق چاچىدۇ. ئەگەر بەگنىڭ يارلىقى ۋە ياخشى سۆزلىرى بولمىسا، ياشارغان چېچەكلەرمۇ تېزلا سولىشىدۇ.

ئىلىگ يەنە سوئالنى داۋاملاشتۇردى:

— ئۇنداق بولسا، بىلىم ئۆگەنگۈچىلەر قانداق بىلىدۇ، كىشىلەر ئۆگىنىش بىلەن دانا بولامدۇ ياكى تۇغۇلۇشىدىنلا تەبىئىتىگە قوشۇپ دانا يارىتىلامدۇ؟

— بولىدۇ، مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا قول سالاي، — دېدى ئۆگدۈلمىش جاۋابقا تىل ئېچىپ، — ئادەمنىڭ بىلىم ئېلىپ كامالەتكە يېتىشى ۋە ئالىم بولۇشتىكى ئالدىنقى شەرت شۇكى، ئۇ يارىتىلىشتىلا ئەقىل بىلەن يارىتىلىشى كېرەك، بۇ تۇغما ئەقىل بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم دەسمايىسى. بۇنىڭ بىلەن كۆندىن-كۆڭگە ئەقلى نۇرلىنىپ، ھەر قانداق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئەلگە پايدىلىق ئادەم بولىدۇ. ئەگەر يارىتىلىشتا ئەقىل بېرىلمىگەن بولسا، ھەر قانچە قىلسىمۇ مەقسەتكە يېتىل بولمايدۇ. يەنە بىر شەرت شۇكى، ئىلىم ئۆگىنىش تىلىكىدە بولغان ئوغۇل كىچىكىدىن باشلاپلا ئىلىمگە كۆڭۈل قويۇشى لازىم. كىچىك چاغدا ئۆگەنگەن بىلىم چوڭ بولغاندا جانغا ئەسقاتىدۇ. ئادەم بىلىم، ئەدەپ-ئەخلاق، ياخشى خۇلق ۋە ياخشى ئىشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يۈرۈش-تۇرۇشنى دۇرۇس قىلالايدۇ. لېكىن ئەقىل تەبىئىي بولىدۇ. بۇ مەنىنى تۈرۈك ئىبارىلىرىدە مۇنداق يەشكەن:

کىشى ئۆگىنىپ بىلىمنى ھېسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ، لېكىن ھەر قانچە ئۆگەنگەن بىلەن ئەقىللىق بولالمايدۇ. ئەقىل يارىتىشتىن بولىدۇ، تادۇ بىلەن بىرگە كىرگەننىڭ بەلگىسى كۆرۈنىدۇ. روشەنكى، ئەقىل-ئىدراك بىلەن ئادەم مىڭلاپ ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكىنى ئاچالايدۇ. ئەقىللىق ئادەم ھەممە ئادەمدىن ئۇلۇغ، چۈنكى ئەقىل مىڭ خىل پەزىلەتلەرنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەقىلسىز ئادەمنى ئادەم سانىماسلىق، ئۇ قانچىلىك ياشىسۇن ئىشەنمەسلىك كېرەك.

— جاۋابىڭنى ئاڭلىدىم، — دېدى ئېلىگ سوئالنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، — ئەقىل بىلەن بىلىمنى بىر-بىردىن بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، قېنى سوراپ باقاي، بۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسەن، ئەقىل نېمە، ئۇنىڭ ئورنى نەدە، ئۇ قەيەردىن چىقىپ قەيەرگە بارىدۇ؟

— ئەقىل كىشى ئۈچۈن ئەڭ ئەزىز ۋە قىممەتلىك بايلىقتۇر. ئۇنىڭ ئورنى ئۈستۈن مېڭىدە بولىدۇ. ئۇ شۇنداق قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈستۈن باشتا قارار تاپقان. ئەقىل ئادەم ئۈچۈن تىزگىن ھەم كىشەندۇركى، بۇ كىشەن ۋە تىزگىن بىلەن كىشى يامانلىق ئىش-ھەرىكەتتىن ئاداشمايدۇ. رەھىملىك ئىگەم ئۆزى خالىغان بەندىسىنىڭ قەلبى ۋە تىلىنى ئەقىل كىشەن بىلەن كىشەنلىدى. ئەقىل بىلەن ئەقىلسىزلىق ئادەمنى ئىككىگە ئايرىغانكى، ئەقىللىق تىرىك ھېسابلانسا، ئەقىلسىز ئۆلۈك سانىلىدۇ. ئادەم تۈنگە ئوخشاش قاراڭغۇ بىر ئۆي، ئەقىل بولسا ئۇنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر. بارلىق ياخشىلىق ئەقىلدىن كېلىدۇ، بىلىمدىن زورىيىپ تىلەككە يېتىدۇ. ئادەم بۇ ئىككىسىنىڭ خاسىيىتىدىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ئادالەت يولىنى تاپىدۇ. ئادەم بىلىمى بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا بىلىمدىنمۇ قىممەتلىك يەنە نېمە بار؟ ئەقىل ئېيتىدۇكى: بىلىم ئادەمنى ھايۋاندىن ئايرىدى، بىلىمدىن ئىنساننىڭ قولى ئۆزەردى.

ھايۋان بولماي دېسەڭ بىلىم ئۆگەن، ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن سۆزۈڭنى راۋان ۋە ئاقىدىغان قىل.

— ھەي خوش چىراي ئوغلۇم، ئەمدى ماڭا ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ تەرىپىنى قىلىپ بەرگىن، — دەپ سورىدى ئېلىگ يەنە، — ئەقىلنى تولا ماختىدىڭ، ئۇنىڭ مەنىسى نېمە، نام-نىشانى قانداق، ئەقىلنىڭ يۈزى، كۆركى، خۇي-پېيىلى قانداق، يېشى، دەرىجىسى، بوي-تۇرىقى قانداق، ئۇنىڭ شادلىقى نەدە؟ بۇلارنى سورەتلەپ بەرگىن.

ئۆگدۈلمىش ئېلىگنىڭ سوئالىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئەقىل تۇلپىرىنى مىنىپ، ئەقىل-ئىدراك باغچىسىنى مۇنداق سەير قىلدى.

— ئەي ئەقىل-پاراسەتنىڭ سەردارى ئېلىگ، ئەقىلنىڭ قىلمىشى توغرا، قىممىتى تولا، — دەپ ئەقىلنى سورەتلەپ بېرىشكە باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — ئەقىلنىڭ ياش قورامى كىچىك، چىراي-تۇرىقى كۆركەم، ئۇ بارلىق ياخشىلىقلارغا كىچىك بولىدۇ. ئۇ ئىشتا تەمكىن، مۇئامىلىدە خوش پېئىل ۋە مۇلايىم، بارلىق جانلىقلارغا مېھرىباندۇر. ئەقىل قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدۇ، سۆزى نەگە بارسا ئۆتىدۇ. ئۇ ئىللىق چىرايى ۋە سۆيۈملۈكلۈكى بىلەن كىشىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. ئەقىلنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ھەر قانداق ئىش قىلىشتا يەڭنى مەھكەم تۈرەلەيدۇ، ھەر قانچە چىگىش تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدۇ، بولغانغان ئىشلارنى سوزەلەيدۇ، ھەر ئىشنىڭ چارىسى ۋە پۇرسىتىنى بىلىدۇ، ئىشقا كىرىشىشتە ئوڭ-سولغا، ئالدى ۋە ئارقىغا ئوبدان باقىدۇ. ئەقىل قاچانغا يېتەلەيدۇ، ئوچقاننى تۇتالىيدۇ، بۇزۇلغاننى تۈزەلەيدۇ، سۇنۇقنى تاڭالايدۇ. شۇڭا، ئەقىلسىزلار ئەقىلنىڭ كەملىكىدىن ئۆكۈنۈپ دېيىشىدۇكى: ھەي ئەقىل، سەندىن ماڭا بىر ئۈلۈش تەگكەن بولسىچۇ كاشكى، سەنسىز ئىنساننىڭ كۆڭلى تىرىكلىكىدىن مەھرۇم بولىدىكەن.

ئېسىت، سەنسيز غەملىرىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئەقىل مەشئەلدۇركى، ئەمالارغا كۆز، گاچا تىلغا سۆز، تولۇق تەنگە جاندۇر. ئاقىللار ئەقىلگە دېيىشىدۇكى: ھەي دوستۇم، ئىشلىرىمنى ئوخشايدىغان ئەجەب ياخشى دوستۇمسەن. ئەقىلنىڭ روشەن بەلگىسى شۇكى، ئەقىل ئىشنى ئۆك قىلىدۇ، تەتۈركە ئورۇن بەرمەيدۇ، ئىشنى چىن قىلىدۇ، مەككارلىق قىلمايدۇ، يىللار ئۆتسىمۇ توغرا ئىش، دۇرۇس يولدىن ئاداشمايدۇ. ئەقىل توغرا بولغاچقا، گەپ-سۆزدە مۇلايىم، ئىش-ھەرىكەتتە ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ ئىشنى تەمكىنلىك ۋە سەۋىرجانلىق بىلەن يېتەرلىك ئويلاپ، پۇختا قىلىدۇ. ئۆزى يىگىتتەك نەۋقىران، قىلغان ئىشى مويسىپىتلەرنىڭكىدەك پىشقان. دانىشمەنلەرمۇ، بەگلەرمۇ مۇھتاجلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا، بىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ئەقىلنىڭ قىلغان ئىشى قېبىردەك، ئۆزى ياش قىرانىدەك. ئونىڭ كىچىكلىكى ئوماق، قېرىلىقى تەمكىن. ئۆزى كەمتەر، سالماق، پايدىسىمۇ كۆپ. شۇڭا، ئەقىل قەيەردە بولسا ئۇنىڭغا ئېسىلغۇلۇق.

كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆگدۈلمىش تىلى بىلەن سېزىپ بەرگەن ئەقىلنىڭ تەسىرىنى ئئاڭلاپ ئىنتايىن سۆيۈندى ۋە:

— ئەي سەگەك ئوغۇل، سۆزلىرىڭدىن ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ جۇلاسىنى كۆردۈم. ئاللا ماڭا كۆپ ياخشىلىقلارنى بەرگەن، سەن ئاللانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى. دۆلەت ئىشى يۈدۈش ئېغىر بولغان بىر يۈكتۇر، بىراق بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈشنىڭ ساخاۋىتى كۆپ. كىمكى ياخشىلىق ئىزدىيدىكەن، يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشى كېرەك. مېنىڭ بۇ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭگە ئالغان ئىكەنسەن، مەندە ئىشلىرىمنىڭ يۈرۈشۈشىگە، تىلىكىمنىڭ ھەل بولۇشىغا ئىشەنچ ھاسىل بولدى. بىراق ماڭا ئاراملىق بەرسەڭمۇ، ئۆزۈڭگە ئېغىرچىلىق ئېلىپ كېلىسەن.

99

سېنىڭ كۆيۈمچانلىق بىلەن ماڭا ساداقەتمەنلىك قىلىپ، ئىشلارنى جايىدا قىلىۋاتقانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. كۆيۈمچان خىزمەتچى مانا سەندەك ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىمەي، بېگىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ. ئاللا ماڭا تەۋپىق ۋە كۈچ ئاتا قىلسا، ھەقىقەتنى ھېسسىلەپ ياندۇرغايمەن.


ھەي بىلىمدان، دانا ئوغلۇم، ئارزۇيۇم ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم توغرىسىدا ئازراق سۆزلەشنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ. ئاللا ئادەمنى تاللاپ ئەزىز ۋە قەدىرلىك قىلدى. ئۇنىڭغا ئەقىل-ئىدراك، بىلىم ۋە پەزىلەت بېرىپ يۈكسەلدۈردى. قەلب ئاتا قىلدى، تىل بېرىپ قەلبىنى يورۇتقۇچى قىلدى. گۈزەللىك، خوش پېئىللىق ۋە نومۇس بەردى. ئادەم بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغلۇققا يەتتى. ئەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن تەس تۈگۈنلەر يېشىلدى. خۇدا كىمگە ئەقىل بىلەن بىلىم ئاتا قىلغان بولسا بارلىق ياخشىلىقلارغا قول سۇنالايدۇ، بىلىمنى بۈيۈك، ئەقىلنى ئۇلۇغ بىلىڭلۇك، بۇ ئىككىسى قولنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ بۈيۈكلۈككە ئىگە قىلالايدۇ.

ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر. ئەقىللىق ئوقار ئول، بىلىملىك بىلۇر، بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.

بۇ بېيىت يۇقىرىقى سۆزۈمنىڭ ياخشى دەلىلى. بىلىمنىڭ مەنەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ بىلىم دەيدۇكى، بىلىمسىز كىشىنىڭ ھەممىسى كېسەلمەن بولىدۇ، كېسەلمەن

100

دائوالانمىسا ئادەم تىرىك ئۆلمىدۇ. بىلىملىك ئەردىن كېسەللىك يىراقلىشىدۇ. ئەي دانا، بىلىمسىزلىك كېسەللىككە داۋا قىل، ئەي نادان، بىلىملىك قېشىغا بېرىپ بىلىمسىزلىك كېسەللىكىنى داۋالاتقىن. ھەر قانداق ئەقىل مەرتىۋىسىگە يەتسە تۆمەن ئارزۇسى بولسىمۇ قېنىپ تىلىكى ھاسىل بولىدۇ. ئەقىلنىڭ ئىنسان ئۈچۈن پايدىسى غايەت زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم قوشۇلسا ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بىلىمكى، ئىنسان بالىسىنىڭ قىممىتى ئەقىل بىلەن بىلىمدە. شۇڭا، ھەر ئىشنى ئەقىل بىلەن قىلغۇلۇق، قىممەتلىك ۋاقىت پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن بىلىم بىلەن ئىش تۇتقۇلۇق.

ئوغۇلۇم، ئەقىل-پاراسەت قاراڭغۇ تۈندىكى مەشئەلگە ئوخشايدۇ، بىلىم ئەقىل سارايىنى چىراغدەك يورۇتىدۇ. ئادەم پاراسەت بىلەن ئولۇغلۇققا، بىلىم بىلەن يۈكسەكلىككە ئېرىشىپ قەدىر-قىممەت تاپىدۇ. بۇ گېپىمگە پۈتمىسەڭ نۇشىرۋان① پادىشاھقا قارا، ئۇ پاراسەت كۆزى بىلەن جاھاننى يۈرۈتتى، توغرا قانۇن بىلەن خەلقنى بېيىتتى. شۇڭا ئاقىللارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتاپ: «ئەگەر ئۇ دوزىخى بولسىمۇ، دوزاخ ئازابىدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ» دېگەنلىكى يادىمدا.

كىچىك ئوغلانغا قارا، ئۇ يېشىغا توشۇپ، ئەقلىگە كەلگىچە قەلەم تەۋرىتەلمەيدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر قېرىسا ئىدرىكىمۇ قېرىدۇ-دە، ئېزىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەلەمنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قانۇندا بىرەرسى ئەقىلسىز بىر تەلوۋنى ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ ئۇنىڭغا جازا بېرىلمەيدۇ، دېيىلگىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۆلگۈچىنىڭ ئىدرىكىسىز بولغانلىقىدىدۇر. دۇنيادىكى بارلىق قەدىر-قىممەت ئەقىل-ئىدراكى ئۈچۈن بولىدۇ.

① نۇشىرۋان — مىلادى 224-يىلى قۇرۇلغان ئېران ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ 20-پادىشاھى بولۇپ، ئۇ تارىختا ئۆزىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى بىلەن «نۇشىرۋان ئادىل»، «نۇشىرۋان بۈيۈك» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.

ئىدراكسىز كىشى بىر ئوچۇم لاي بىلەن باراۋەر. ھەممە ئادەم كىيىم كىيىدۇ، بىراق قەدىر-قىممەت كىيىم-كېچەك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقىل-ئىدراك ۋە بىلىم بىلەن بولىدۇ. كىمدە ئەقىل بولسا ئۇ ئېسىل ئاتىلىدۇ. كىمدە بىلىم بولسا ئۇ خان ئاتىلىدۇ. ئىنسان بالىسى بۇ قوڭۇر تۇپراققا قەدەم قويغاندىن بۇيان، ھەر قانداق ئىشنىڭ يولىنى بىلىم بىلەن تاپتى. شۇڭا، ئەقىل ئاز بولسىمۇ ئاز دېمە، ئۇنىڭ نېپى كۆپ، بىلىم ئاز بولسىمۇ ئاز دېمە، ئۇنىڭ قەدرى كۆپ بولىدۇ. ھېكىملەر مۇنداق تۆت نەرسىنى ھەرگىز ئاز دەپ قارىما دېگەن. ئۇنىڭ بىرى ئوت، يەنە بىرى دۈشمەن، ئۈچىنچىسى ھاياتنىڭ توزىقى بولغان كېسەللىك، تۆتىنچىسى ئىلىم. ئاز بولسون، كۆپ بولسۇن بولارنىڭ پايدىسىمۇ كۆپ، زىيىنىمۇ ئاز ئەمەس. خۇددى ئىلىم-بىلىمگە ئوخشاش ئۇنىڭ بىرى سېنى مەنپەئەتدار قىلسا، يەنە بىرى سېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

بىلىم كىمياغا① ئوخشايدۇ. ئۇ ساڭا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەقىل سارايىغا توپلايدۇ. سەن بىلىمنى يوشۇرۇپ بولالمايسەن. ئىپارنىڭ پۇرىقى ئۆنى ئاشكارىلاپ قويغاندەك، تىلىڭ قەلب سارايىڭدىكى ئىلىم بايلىقلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. بىلىم ھەرگىز نامراتلاشمايدىغان، ئوغرى ۋە قاراقچى ئالالمايدىغان بايلىق. ئىتنى باغلىقتا، ئاتنى تىزگىندە تۇتقاندىلا ئۇلارنى ياخشى باشقۇرغىلى بولغاندەك، بىلىم سېنى يامان ئىشلاردىن توسقۇچى كىشەن بولالايدۇ. ئەقىل-ئىدراك سەن ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك ئاداش، بىلىم بولسا ئەڭ مېھرىبان قېرىنداشتۇر. بىلىمسىز ئۈچۈن ماڭغان-تۇرغاننىڭ ھەممىسى ئۆزىگە دۈشمەن. مۇنۇ تۈرك تەمسىلى بۇ سۆزگە دەلىلدۇر: ئاقىلغا ئۆز ئەقلى دوستلۇققا يارار، نادانغا ئۆز ئىتى قارغىش ياغدۇرار. بىلىمسىزلىككە بىلىمنى تون ۋە

ئاش بولىدۇ، بىلىمسىزگە قىلىقى يامان بىر ئاداش.


ئەمدى ئەسلى گېپىمىزگە كېلەيلى. كۈنتۇغدى ئېلىك تۈگدۈلمىشكە بولغان مەمنۇنىيىتىنى ئوچۇق ئىزھار قىلدى.

دەرەەقىقەت، بەگلەرنىڭ ئىشىنى ئاشۇنداق كۆيۈمچان خادىملار قىلسا، ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ، بەگ بەخت بېشى بولۇپ، پاراغەتتە ياشايدۇ. خادىملار جان تىكىپ، مۇشەققەت چېكىپ، ئۈمىد يولىنى ئېچىپ بەرسە، بەگلەرنىڭ باش ئاغرىقى تۈگەپ، ئاللانىڭ چوڭ ئىلتىپاتىنى كۆرىدۇ. بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن جاھان بەگلەرنىڭ كۆپىنچىسى مانا شۇنداق ئارزۇ-ئارمان بىلەن كېتىشتى.

كۈنتۇغدى ئېلىكنىڭ ئەھلى خۇشال، بەختىيار ھاياتتا ياشىماقتا ئىدى. خەلق بەگ ئۈچۈن قۇتلۇق دۇئالار قىلىشاتتى. باشقا ئەل خەلقلىرىمۇ بۇ ئېلىنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاڭلاپ، كۈنتۇغدى ئېلىكنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇشاتتى. ئېلىك ئۇلۇغ ئارزۇ-تىلەكلەر بىلەن ياخشى قانۇنلارنى چىقىرىپ، ئەلنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئايلار، كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى.


كۈنتۇغدى ئېلىكنىڭ ھۇزۇرى.

تۈگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئېلىكنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئېھتىرام بىلەن ئەمرنى كۈتۈپ ئولتۇردى. ئېلىك سۆز ئېچىپ ھاياتتىكى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە قىزغىن

سۆھبەت قۇرماقنى لايىق تاپتى.

— ئۆگدۈلمىش، سەندىن سوراي، كۆڭلۈڭدە نېمە بولسا شۇنى دېگىن، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ، — ئادەم ئۆزىنىڭ يەتتە ئەزاسىغا بېقىپ، ھەر بىر ئەزادىن زوق ئېلىپ خۇشاللىق تاپىدىكەن، ئۇنداقتا كۆڭۈل زوقى نېمە، كۆز زوقىچۇ؟ قانداق قىلغاندا بۇ ئىككى زوقتىن تولۇق بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؟

— دۇرۇس ئالىيلىرى، كۆڭۈل ئۆزىنىڭ زوقىنى ئىز دەپ ئۇنىغا تەلپۈنىدۇ. مانا بۇ تەلپۈنۈشنىڭ ئۆزى كۆڭۈل لەززىتىدۇر. كۆزنىڭ زوقى بولسا سۆيگۈنىنىڭ جامالىنى كۆرۈشتۇر. دىل ئارزۇسىغا قېنىش ئۇنىڭ زوقىدۇر، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش.

— ھەممە ئادەم سۆيىمەن دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقىي سۆيۈملۈكنىڭ نىشانى نېمە؟ بۇ دەۋانى قانداق ئايرىغىلى بولىدۇ؟

— خوپ ئالىيلىرى، مەن بۇنىڭ جاۋابىنى بېرەي، — دېدى ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ چۇڭقۇرلاپ سورىغان سوئالىغا جاۋابەن، — ھەقىقىي سۆيۈشنىڭ نىشانى يار يۈزىگە قاراپ بىلىگلى بولىدۇ. كۆزنىڭ ھەممە نەرسىنى توسالغۇسىز كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىلىش كېرەككى، كۆڭۈل كۆزى ئۈچۈن ھېچقانداق توسۇق يوق. ھەقىقىي سۆيگەن، سۆيىمەننى بىلىش ئۈچۈن كۆڭۈل رايىغا قاراش يېتەرلىكتۇر. سۆيۈملۈكلەرنىڭ سۆيگۈ نىشانى چېھرىدە زاھىر بولىدۇ. بۇ ئالامەت كۆز-كۆزگە تۇدۇل باققاندا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. بۇ ھالەتنى بىر شائىر مۇنداق سۈرەتلىگەن:

سۆيۈملۈك كىشىنىڭ يۈزى بەلگىلىك، تىلىن ئاچسا مەنى سۆزى بەلگىلىك. سۆيۈپ، سۆيىمەننى بىلەيمەن دېسەڭ، ساڭا توغرا باقسا كۆزى بەلگىلىك.

— جاۋابىڭ چۈشىنىشلىك بولدى، — دېدى ئېلىك يەنە سوئالىنى داۋاملاشتۇرۇپ، — سور ايدىغان يەنە بىر ئەھمىيەتلىك مۇھىم ئىش بار ئىدى، ئوبدان ئويلىنىپ جاۋاب بەرگىن.

— ئەي بەختىيار شاھ ئاتا، بەگلەر ئىلىم بىلەن نام چىقىرىدۇ. بەگ دېگەن بىلىم ئوردىسىدۇر، بەگلەرنىڭ ئىلىم-پارا سىتى ئالدىدا بىلىمسىز قۇل سۆزىڭنىڭ نېمە كېرىكى بولسۇن؟! سورىماق ئۇقاي، مۈشكۈلى جاۋاب بەرمەك تۇر. ئاسىننى ئۈزۈك ئېلىپ، قىيىننى ماڭا قالدۇرۇپ قويما، — دەپ ئۆز رە ئېيىتتى ئۆگدۈلمىش.

— ھەي ئوغلۇم، سورىغۇچى ھاجەتمەنلىكتىن باشقىلاردىن سورايدۇ، ھاجىتىمنى راۋا قىلىشتىن خۇشال بولمىقىڭ لازىم.

— ئاڭلاش سۆزلىشىشتىن ئەۋزەل ئالىيلىرى، سۆزلىگۈچى جېنىنى ئۆپىرىتىدۇ، ئاڭلىغۇچى ھۇزۇرنى سۈرىدۇ. سېنىغان ھېكمەتلەر شۇڭا: ئازراق سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلا، تەپەككۇر قىل. ئادەم ئاڭلاش بىلەن ئالىم بولىدۇ، كۆپ سۆزلىشىشتىن ئادەمنىڭ بېشى كېتىدۇ. ئاڭلاش قۇلاققا لەززەت، كۆپ سۆز بىمە ززىدۇر. سۆز سۆزلىنىشتە ساپ ئالتۇنغا ئوخشايدۇ، تىلدىن چىققاندىن كېيىن مىسقا ئايلىنىدۇ، دېيىشكەن.

— دۇرۇس سۆزلىدىڭ، ئۆزۈڭگە بەخت قورۇنى باغلىدىڭ، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىك.

— ھەي دەۋلەتمەن ئېلىك، ماڭا مۇناسىپ بولغىنى قۇللۇق نامىدۇر، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — مۇبادا قولىڭىك قوربى يەتسە بېگىڭنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ۋاجىپتۇر. ئۇنداقتا مە ن بىلىگەنلىرىمنى سۆزلەي، ئۆزۈڭ ئاڭلاپ سۆزلىرىمدە يېڭىلىشىش بولسا كەچۈرگەيسەن.

105

ئاۋازلىق كىتاب
9-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىك خىزمىتىگە كىرگەنلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--