تىزىملىك
تىل تاللاش:
2-قىسىم 10-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

بەگلىككە مۇناسىپ بەگنىڭ ئۆلچىمىنى ئەقىل تارازىسىدا تارتىلغانلىقى

Beglikke Munasip Begning Ölchimini Eqil Tarazisida Tartilghanliqi

كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش قىزغىن سىرداشماقتا. ئەمدىكى سۆھبەتنىڭ تىزگىنى بەگلىك تامان تارتىلغان ئىدى.

بەگلىككە مۇناسىپ بەگنىڭ ئۆلچىمىنىڭ ئەقىل تارازىسىدا تارتىلغانلىقى

كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش قىزغىن سىرداشماقتا. ئەمدىكى سۆھبەتنىڭ تىزگىنى بەگلىك تامان تارتىلغان ئىدى.

— ھەي ئۆگدۈلمىش ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم شۇكى، ئاللا ياراتقان ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇلۇغلارىمۇ، كىچىكلىرىمۇ، ياخشى ناملىقلىرى ۋە يامان ناملىقلىرىمۇ، بىلىملىكلىرى ۋە بىلىمسىزلىرىمۇ، بايلىرى ھەم نامراتلىرىمۇ، ئەقىللىقلىرى ھەم ئەقىلسىزلىرىمۇ، ھەتتا جاھىللىرىمۇ بار ئىكەن، بەگ بولغۇچى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئولارنى توغرا يولغا باشلاشقا، ئەلنى تۈزەپ، خەلقنى بېيىتىشقا، خەزىنىنى بايلىققا تولدۇرۇپ، قوشۇن توپلاپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا، دۈشمەننىڭ بوينىنى ئېگىپ، نىزا-ئاداۋەتنى ئەلدىن كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەگ يوقىرى دەرىجىدىكى ئىلمى ۋە پاراسىتى بىلەن توغرا قانۇن ئورنىتىپ، شۆھرىتىنى جاھانغا يېيىشنى، كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىپ بەخت-ئامەتنى ئاشۇرۇشنى، ئوزۇن يىللار راھەت-پاراغەت ئىچىدە ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇشنى، بارلىق جانلىقلار ئالەمدىن كەتسىمۇ، سەلتەنەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بەگ بولغۇچى قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشى، قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم بولىدۇ؟

— ھەي ئەلىگ ئاتا، تولىمۇ بۈيۈك ۋە مۈشكۈل سوئالنى

سورىدۇك، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش تۆۋەنچىلىك بىلەن، — بەگلىكنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بەگلەر ئۆزى ياخشى بىلىدۇ. قانۇن-تەرتىپ، ئۇرپ-ئادەت شۇلاردىن باشلىنىدۇ. بەگلەر ئاندىن تۇغۇلۇشىدىنلا بەگلىك ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ، ياخشى ئىشلارنى بولسا كۆرۈپ، ئۆگىنىپ بىلىدۇ. ئاللا كىمگە بەگلىكنى نېسىپ قىلغان بولسا ئۇنىڭغا بۇ بۈيۈكلۈككە مۇناسىپ ئەقىل ۋە قەلب بېرىدۇ. كىمنى بەگ قىلىپ يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، شۇنىڭغا يارىشا خۇلق-مىجەز، ئەقىل ۋە قول-قانات بېرىدۇ. بەگلىك ئىشى بەگلەرگىلا خاس ئىشتۇر. بەگ بولغۇچى بەگلىك ئىشىنى بىلىدۇ، بۇ ئىشنى ئۆزۈڭ مەندىن ياخشىراق بىلىسەن. داداڭمۇ بەگ ئىدى، ئۆزۈڭمۇ بەگ بولدۇڭ.

— گېپىڭنى ئۇقتۇم، چىن گەپنى قىلدىڭ. سۆزلىرىڭدىن ئىپادەڭ ھەق كېلىدۇ. توغرا، بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، قۇسۇر ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچى تېخىمۇ روشەن بىلىۋالىدۇ. مەن ئىش قىلغۇچى، سەن كۆرۈپ تۇرغۇچى، ئىش قىلغۇچى ئىشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىلار ئارقىلىق بىلىدۇ. خۇدا ساڭا ئەقىل-ئىدراك ئاتا قىلدى. يېتەرلىك ئەقىل ۋە بىلىمىڭ بىلەن يۈرەكلىك ئىشلەشكە قادىر بولدۇڭ، كىچىكىڭدىن تارتىپلا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلدىڭ. دۆلەت باشقۇرۇش قانۇنىيىتىنى كۆرۈپ تۈگەتتىڭ، كۆپ ئىشلارنى ئۇقۇپ ماەىيىتىگە يەتتىڭ. سۆز ۋە ھەرىكىتىڭ بىلەن ساداقىتىڭنى ئىپادىلىدىڭ. ئادەم كۆڭلىدىكى گېپىنى ساداقەتمەن، كۆيۈمچان كىشىگە دەيدۇ. كۆيۈمچان كىشى باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. سوئالىمغا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىۋەرگىن، مەن سېنىڭ ساداقىتىڭدىن گۇمانلانمايمەن. كۆيۈمچان ئادەملەر شۇڭا: ئادەمىيلىكنىڭ بېشى كۆيۈمچانلىق، ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتىمۇ كۆيۈمچانلىقتا. ئاقىللار كۆيۈمچاننى كۆپ ماختايدۇ. ئەقىل ۋە

بىلىممو ماڭا: كۆيۈمچان ئۆچۈن قەلبىڭ قېتىدىن ئورۇن بەر، دەپ جىكىلەيدۇ.

— خاتىرجەم ياشا، قولۇڭ تېخىمۇ ئۈستۈن بولسۇن ھەي ئېلىگ، — دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — ئالىيلىرى، ئالدى بىلەن بەگلىك ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر شەرت — ئەسلى-نەسلى ئېرىغ ۋە ئېسىل بولۇشى كېرەك. دادىسى بەگ بولسا بەگزادىمۇ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ بەگ بولىدۇ. ئۇرۇقى ياخشى ئادەمدىن ياخشى پەرزەنت تۆرەلىدۇ. بۇ ياخشىلىق ئونى تۆرىگە ئېلىپ چىقىدۇ. بەگلىك مۇقەددەسدۇر، ئۇ پاكلىقنى خالايدۇ، ئەلىدىنمۇ پاكلىق ۋە ھوشيارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇرۇقى تازا بولغانلارمۇ دائىم پاكلىقنى خالايدۇ. ساپ دىل، تەقۋادار كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىق قىلىشتىن قورقىدۇ. خەلقنى يېتەكلەش ئۈچۈن بەگ ئاشۇنداق سەرخىل، قەھرىمان بولۇشى لازىمدۇر، شۇندىلا ئەلنىڭ بۈيۈك ئىشىنى ئۆتۈگلۈك بىلەن ئىشلىشەكە يارايدۇ. نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ، سىناپ بىلگەن، زېھىن قويۇپ سۆزلىگەن ئۆتۈكەن بېگى: «خەلقنىڭ بېگى ناھايىتى سەرخىل بولۇشى، دىلى ۋە تىلى توغرا، مىجەز-خۇلقى ئېسىل بولۇشى لازىم» دەپ ئېيىتقان. كىشىنىڭ سەرخىلى بىلىملىك، پاراسەتلىك، سېخى ھەم كۆزى توق، ئالىيجاناب بولالايدۇ، قولىدىن نۇرغۇن ياخشىلىقلار كېلىدۇ. ھايالىق، خوش پېئىل ۋە ئىش-ھەرىكىتى توغرا بولىدۇ. مۇشۇنداق بولالمىسا، ئونداق بەگ خەلقى ئۈچۈن ئۇلۇغ بولىدۇ، ئونىڭ ئۆزىدىنمۇ ياراملىق ئەۋلاد قالىدۇ.

بەگلىككە مۇناسىپ بەگنىڭ يەنە بىر مۇھىم شەرتى، بىلىمدە خىلالانغان، ئەقىل-پاراسەتتە كامالەت تاپقان بولۇشى لازىمدۇر. بەگلەر يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىلمى، پاراستى بىلەن خەلققە يول باشلايدۇ، خەلقنىڭ ئىشلىرىنى ئەقىل بىلەن ئىجرا قىلىدۇ. «بەگ» دېگەن نام «بىلىگ» دېگەن نامغا باغلىقتۇر. «بىلىگ»دىن

«لام» ئېلىۋېتىلسە، پەقەت «بەگ» دېگەن ناملا قالىدۇ. ① روشەنكى، بىلىملىك كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا جاھان كەزگەن، ئىش كۆرگەن، بىلىملىك كىشىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ: بەگ كۈتۈلمىگەن پالاكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە سەگەك بولۇشى كېرەك. خۇلۇق-مىجەزى ئېسىل، مىڭ تۈرلۈك پەزىلەتنىڭ ئىگىسى بولۇشى لازىم، بىلىگ بىلەن نامى ياخشى بولىدۇ. نامى ياخشى بولسا ئىشلىرى يوللۇق بولىدۇ. ئۆزىگە داغ چۈشۈرمەيدۇ، دېگەن. ئىنسان بالىلىرىنىڭ ھەممىسى يارىتىلىشتىلا ئېسىل ۋە بۈيۈك يارىتىلغان. بۇنداق بۈيۈكلۈك پەقەت بىلىم بىلەنلا خىسلىنىپ، تېخىمۇ تۈزۈك بولىدۇ. ئۇ بەگلىك ئىشىنىڭ تىزگىنى ۋە يۈگىنى بولىدۇ. بەگ ئىشنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ئىشنى نېمىدىن باشلاشنى بىلىشى لازىم. ئەقىللىق كىشىلەرلا ئىشنى جايىدا ئۇقۇشالايدۇ، ئەقىلسىز كىشىنى دۆلەت ئىشىدىن يىراقلاشتۇرماق لازىمدۇر. كىشىدە قەلب بولمىسا كۆز دېگەن كامار نېمە، ئەقىل بولمىسا قەلبمۇ تەدبىرسىزدۇر. ئادەم ئىشلىرىنى بىلىم بىلەن باشلاپ، ئەقىل ئىشلىتىپ چۈشەنسە، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. بەگ دېگەن خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى بىلىم ۋە پاراسەت بىلەن ئېگىلەيدۇ. بىلىم بولمىسا ئەقىلمۇ ئىشقا يارىمايدۇ. ھەي دۆلەتمەن بەگلىك، بەگلەر دۆلەت ئىشىدا يېڭىلىشسا، بەگلىككە كېسەل تەگگەن بولىدۇ. بۇ كېسەلنى دەرھال داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بەگلىك كېسىلىنىڭ داۋاسى ئەقىل بىلەن بىلىمدۇر. بەگ بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە زىرەك بولغاندىلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بىلىملىك، ئەقىللىق، دانا ھۆكۈمدارلارنىڭ ئورنى ھەر ئىككىلا دۇنياندا ياخشى بولىدۇ.

① «ل» ھەرپى ئەرەبچىدە «لام» دەپ ئوقۇلىدۇ. مۇئەللىپ بۇ يەردە كونا ئېملا قائىدىسى بويىچە «بىلىگ» سۆزىنىڭ «بىلىگ»، «بەگ» سۆزىنىڭ «بەگ» شەكلىدە يېزىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، «بىلىگ» سۆزىدىن «ل» كەتسە «بەگ» قالىدۇ، يەنى بەگ ئاتى بىلىم بىلەن باغلىقتۇر، بەگلەر بىلىملىك بولۇشى لازىم دېمەكچى.

109

ەە ر ئىككى دۇنيادا ئېرىشەلەنگەن كىشى قۇتلۇق ۋە سائادەتمەن كىشىدۇر .

ئالىملىرى، بەگلىكنىڭ يەنە بىر تۈۋرۈكى، بەگنىڭ پەزىلەتتە ھەممىدىن تۇلۇغ بولۇشىدۇر . بەگلەردە ياخشى خۇلق ۋە مىڭ تۈرلۈك ھۈنەر-پەزىلەت بولغاندىلا، دۆلەتنى ئۆگۈشلۈك باشقۇرۇپ، دۆلەت ئاسمىنىدىكى تۇماننى تارقىتالايدۇ . ياخشى خۇي-پېيىل نېمىدىگەن گۈزەل ! ئۇ ئەر ئۈچۈن تۈگىمەس بايلىقتۇر . بەگنىڭ خۇلقى مۇلايىم، ئىش-ھەرىكىتى توغرا، قىلمىشى گۈزەل بولسا، ئۇ بەگنىڭ كۆڭلىرى شادلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ . ئاللا كىمگە ياخشى خۇلق بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا ياخشى ئەمەل قوشۇلسا، بۇ دۇنيا بارلىق نېمەتلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولىدۇ . خالىسا ئۆزى يەيدۇ، خالىسا باشقىلارغا ئۈلەشتۈرىدۇ . ھەر قانداق بىر كىشىدە ياخشى قىلىق، توغرا ھەرىكەت بولغان بولسا، بۇ ئاللانىڭ ئۇ بەندىسىگە بەرگەن ئەڭ چوڭ بەخت-سائادىتىدۇر .

ئەي بىلىگ، كۆپلىگەن ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلاي دېيدىكەنسەن، قولۇڭدىن كەلسە مۇنۇ ئۈچ ئىشنى قىلغىن: ئوڭ قولۇڭدا قىلىچ تۇتۇپ ئىشلىتىپ تۇرساق، سول قولۇڭ بىلەن باھادىرلارغا مال ئۈلەشتۈر . ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلەر شەكىردىنمۇ شېرىن بولسۇن، شۇندىلا بەگ، قول، ئۇلۇغ-كىچىكنىڭ ھەممىسى ساڭا بويسۇنىدۇ . بەگلىككە مۇنداق بىر قانچە نەرسە كېرەككى، بەگ خوش چىراي، سۆزى شېرىن، ئۆزى مۇلايىم بولسۇن، ئىش-ھەرىكىتىمۇ تامامەن شۇنىڭغا مۇناسىپ بولۇشى كېرەك . ئۆزىنى كەمتەر تۇتسا، قولى ئوچۇق، سەخىي بولسا، بۇنىڭغا مېھرىبانلىق قوشۇلسا، ھەرخىل پەزىلەتلىرى تولۇق بولسا، يارامسىز ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتسا، بۇنداق بەگ خەلق ئىچىدىن تاللانغان سەرخىل كىشىدۇر . تاللانغان كىشى كەم-كۈتسىز تولۇن بولىدۇ، ئۇنداق بەگكە جاھان ئەھلى بەيئەت قىلىدۇ . ئەگەر بەگلىكنىڭ يۈزى سۆرۈن، سۆزى قوپال، تەكەببۇر

بولسا كىشىنى بىزار قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنىمۇ تۈزىتەلمەيدۇ. قوپاللىق، ئالدىراڭغۇلۇق، يېنىكلىك ۋە شاللاقلىق بولسا قارا تاۋامنىڭ قىلىقىدۇر، بۇنىڭدىن يىراق تۇرغۇلۇق. بەگلەر ئۆزىگە قارا تاۋامنىڭ يارماس قىلىقلىرىنى يولاتمىسۇن، ئۇلارنى ئۆزىگە يېقىن يولىتىدىكەن، قەدىر-قىممىتىدىن خوشلاشسۇن. قول دېگەن قارا، بەگ دېگەن ئاق، ئاق بىلەن قارا روشەن پەرقلىنىدۇرۇلگەن. ھەي شۆھرەتلىك زات، ئېسىل بىر بەگ بولماقنى تىلەيدىكەنسەن، پەزىلىتىڭمۇ ئېسىل بولسۇن. ئاتاقتى بەگ بولۇپ، قىلىقلىرى قارا بولسا، ئونداق بەگ خەلق ئارىسىدا قارا قۇلدىنمۇ پەس ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئالىملىرى، بەگلەرنىڭ پەزىلەت تۇغرۇكىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن بىلىملىك كىشىلەر مۇنداق يەتتە ئىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە ئاگاھلاندۇرغان: بىرىنچى، ئالدىراڭغۇلۇق. ئىككىنچى، ئۆزىگە ۋاپا قىلماسلىق ۋە يالغانچىلىق. ئۈچىنچى، ئاچ كۆزلۈك. تۆتىنچى، مەغرۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق. بەشىنچى، جاھىللىق. ئالتىنچى، تىلى يامان ۋە غەزەپلىك بولۇش. يەتتىنچى، مەيخورلۇق. بۇ بىر قانچە ئادەت بىر ئادەمدە جۇغلانسا، ئونداق ئادەمدىن مۇقەددەس بەخت مەڭگۈلۈك تېزپ يىراقلىشىدۇ، پەلەكمۇ ئۇنىڭغا باقماي بېشىنى تەتۈر ئۆرۈيدۇ. بەگلەر بۇ يامان قىلىشلاردىن ھەزەر قىلمىسا ئېتىبارى بولمايدۇ، قەدىر-قىممىتىمۇ يەرگە ئۆرۈلىدۇ. مەن بۇ يەتتە قەبىھ دۈشمەننىڭ تەريىپىنى قىلىپ بېرىي.

تۆگۈدۈلمىشنىڭ پاراسەت بىلەن سوغۇرۇلغان، بىلىم بىلەن تويۇنغان بايانلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان كۈنتۇغدى ئېلىگ مەمنۇنىيەت بىلەن ئۇنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىگە ئىجازەت بەردى.

— ئالىملىرى، يۇقىرىقى بىر قانچە ئىش بەگلىكنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ، پاتقاققا پاتۇرىدۇ.

111

ئالدىراڭسانلىق ۋە غەزەپلىك ھالدا ئىش بېجىرىشنى ئۆز ياۋۇز قىلىق دەپ بىلىۋېلىش. بۇ يامان ئادەت بەگلەردە بولمىسۇن، مەڭزىنى زەپىران قىلىدۇ. ئالدىراڭسان، تەتەك كىشىنىڭ خۇي-پېيلى غەزەپلىك كېلىدۇ. غەزەپ بىلىمسىزلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بىلىڭكى، ئالدىراش قىلغان ئىش چالا قالىدۇ. ئالدىراپ يېگەن ئاشمۇ كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. ھەر قانداق ئىشتا تەمكىن بولۇش، تائەت-ئىبادەتكىلا ئالدىراپ يۈگۈرۈش لازىم. ھەي ئاقىل كىشى، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك بولساڭ ئاچچىق ۋە غەزەپنى ئۆزۈڭدىن يىراق تۇت. ئۆزۈڭگە يېقىن كەلسەڭ خىيىمخەتەر تېغىغا يولۇقۇسەن. غەزەپتە قىلىنغان ئىشنىڭ ئاخىرى پۇشايماندىن باشقا نەتېجە بەرمەيدۇ. قىزىققانلىق ئەقىلدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، ئېغىر-بېسىقلىقنى، تەمكىنلىكنى ئادەت قىلىش لازىمدۇر. تەمكىنلىكنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەتراپىڭنى ئوبدان كۆزىتەلەيسەن. ئەقىل-ئىدرىكىڭ جايىدا بولسا ئاندىن ياخشىلارنى تاللىيالايسەن، ياراملىق-يارامسىزلارنى، كېرەكلىك-كېرەكسىزلەرنى توغرا پەرقلەندۈرەلەيسەن، كۆزۈڭ ئۆتكۈر بولىدۇ، ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ. قەھرلىنىش بىلەن غەزەپ سەن ئۈچۈن دۈشمەن، ئۇ سېنى پۇشايمان ئوتىدا پۇچىلايدۇ، ئەقلىڭدىن ئازدۇرىدۇ، پەزىلىتىڭنى مەھرۇم قىلىدۇ، كۆزۈڭنى خىرەلەشتۈرىدۇ. ئالىيجاناب كىشىلەرمۇ غەزەپلەنگەندە قوپاللىشىپ كېتىدۇ.

بەگلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئاپەتنىڭ بىرى ئاچ كۆزلۈك بالاسىدۇر. كۆزى ئاچ كىشى مەڭگۈ تويماستۇر. ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېشىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئاچ كۆزلۈك شۇنداق بىر كېسەللىكى، ئۇنىڭغا داۋاسى يوقتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ھېكىملىرىمۇ داۋالاشقا ئاجىزدۇر. ھەر قانداق نەرسى بالا ئاچلار يېسە-ئىچسە تويىدۇ. كۆزى ئاچ كىشى بۇ ئاچلىقتىن ئۆلگەندە قۇتۇلىدۇ. كۆزى ئاچ كىشىلەرنى بۇ دۇنيانىڭ مال-دۇنياسىمو باي قىلالمايدۇ،

112

پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىقى ئۇنىڭ بولغاندىمۇ يەنىلا ئاجىزلىق ۋە نامراتلىقتا ئۆتىدۇ.

بەگلەرگە يات قىلىقنىڭ بىرى مەغرۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇقتۇر. بۇ يامان قىلىق كىشىنى توغرا يولدىن ئازدۇرغۇچىدۇر. كىچىك پېئىللىق بىلەن بەگلەرنىڭ ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ بەگلەرنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. خەلقنىڭ تاللانغان ياخشى بەگلىرى شۇنداق دېگەن: كىچىك پېئىل بولغانلىق بىلەن ئىش بۇزۇلمايدۇ. تەكەببۇرلۇق كىشىنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتىدۇ، كەمتەرلىك كىشىنى يوقىرى ئۆرلىتىدۇ. شۇڭا، بەگلەر كەمتەر، مۇلايىم بولۇشى كېرەك. ئەگەر بەگلەر تەكەببۇر بولسا ئۇنىڭدىن كۆڭۈل ئۆزگۈلۈك. كەمتەر، كەڭ قورساق بولۇپ خەتالاشقانلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرەلىسە، ئەسكەر ۋە خادىملار ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، ساداقەت كۆرسىتىدۇ، ساداقەتمەن ۋە سەمىمىي كىشىلەر خىزمىتىنى ئەستايىدىل قىلىدۇ.

ھەي دۆلەتمەن ئەلىگ، بەگ ئۈچۈن ھەممىدىن يامىنى ۋەدەسىدە تۇرماسلىق ۋە يالغانچى ئاتىلىپ قېلىشتۇر. يالغانچى كىشىلەر ئابرويسىز كېلىدۇ. ۋاپاسىز ئادەم ئەلى ئۈچۈن ئاپەت ياغدۇرىدۇ. ۋاپا ئەھلى شۇڭا: ۋاپا كىشى ئۈچۈن ئادەملىكنىڭ بېشىدۇر. سۆزى يالغاننىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى جاپادۇر، جاپاكار ئىنسان ئادەمنى ھايۋاندۇر. يالغانچىلاردىن ۋاپا كۈتمە، بۇ ئۇزۇن يىللاردا سىنالغان سۆزدۇر، دېيىشكەن. بەگلەرنىڭ سۆزى چىن، كۆڭلى تۈز بولسا، كۆڭلىرىمۇ ئۆز بولىدۇ، خەلقىمۇ پايدا كۆرىدۇ. بەگلەرنىڭ كۆڭلىدە خىيانەتكارلىق بولىدىكەن، خەلقنىڭ ئۇنداق بەگدىن كۆڭۈل ئۈزۈشى ياخشىدۇر. خىيانەتكار بەگدىن خەلققە ھەرگىز مەنپەئەت سايىسى چۈشمەيدۇ. بەگلەرنىڭ تىلى ۋە دىلى، قىلىقلىرى چىن، ئىشەنچلىك بولمايدىكەن، بۇنداق ئەلدە مۇبارەك بەخت ئۈچۈن ئورۇن قالمايدۇ-دە، تېزلا قاچىدۇ. شۇڭا،

گېپىدە تورمايدىغان يالغانچى بەگكە كۆڭۈل باغلاپ، ئۆمۈرنى زايە قىلغۇلۇق ئەمەس، بولمىسا پۇشايمانغا قالىدىغان گەپ.

ھاياتنىڭ تۈزۈقى، دۆلەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى بەگلىرىنىڭ بىخۇتلۇقى ۋە مەيخورلۇقىدىندۇر. دۇنيا بەگلىرى مەيگە بېرىلىپ كەتسە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ھالى ئېغىرلىشىدۇ، دەرد-ھەسرىتى تېخىمۇ ئاچچىقلىشىدۇ. دانالار نادان مەيخورلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ھەي گالنىڭ قۇلى ھاراقكەش، ھاراق ئىچمە، ھاراق ساڭا نادامەت يولىنى ئاچىدۇ، ئاۋام مەيخور بولسا مال-دۇنياسى شامالغا سورۇلىدۇ، بەگ مەيخور بولسا دۆلىتى ۋەيران بولىدۇ، دېگەن. مەي ۋە مەي ساتقۇچى دۈشمەندۇركى، كۆ كۆمۈشۈڭنى ئېلىپ، ساڭا ئۆرۈش-جېدەلىنى ساتىدۇ. ئادەم مەست بولسا دۆت ۋە تەلۋە بولىدۇ. تەلۋە، دۆتلىرىنىڭ ئىشلىرى قاچان تۈز بولغان؟ ساپ دىل كىشىلەرنىڭ مۇنۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالغۇلۇق: ھەي گالنىڭ قۇلى، — دەيدۇ ئۇلار، — قىلىشقا تېگىشلىك نى-نى ئىشلار مەينىڭ كاساپىتىدىن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. مەستلىكتە بولمىغۇر ئىشلار قىلىنماي قالمايدۇ. خان ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ مەي ئىچسە، دۆلەت ئىشلىرىنى ئويلاشقا قانداقمۇ ۋاقتى يەتسۇن؟ بەگ بەگلىك ئىشىنى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلىمىسا، قوش سېلىپ قوغلارىمۇ ئۆنىگە يېتىشەلمەيدۇ. دۇنيا سورىغۇچى بەگ ئويۇنغا مەپتۇن بولۇپ كەتسە، ئېلىنىمۇ بۇزىدۇ، ئۆزىمۇ موھتاجلىققا چۈشىدۇ. مەي بار يەردە پىتنە-پاسات بولىدۇ. قەيەردە پىتنە-پاسات باش كۆتۈرسە، شۇ يەردىن بەخت كۆتۈرۈلىدۇ. ھەقىقەتەن پىتنە-پاسات بەگلىكنى خاراب قىلغۇچىدۇر. بەخت، ئامەتنىڭ تەبىئىي پاكتور، شۇڭا ئۇ پاكلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاساسى ھالالدۇر، ئۇ ھالالنى يولەيدۇ. بەگ مەيخور، قوپال ۋە پاسىق بولىدىكەن، خەلقمۇ مەيخورلۇق يولىغا كىرىدۇ. ئەسلىدە ئاۋامنىڭ يارامسىزلىقلىرىنى بەگلەر تۈزەيدۇ، بەگ يارامسىز بولسا ئۇنى كىم تۈزەيدۇ؟ مەسىلەن،

ئېرىغسىزنى ئادەم سۇ بىلەن يۇيىدۇ، ئەگەر سۇ ئېرىغسىز بولسا نېمە بىلەن ئېرىغلىتۇق؟ ئادەم كېسەللىك تارتسا دورىنى تېپىپ بېرىدۇ، ئەگەر تەبىپ ئۆزى ئاغرىپ قالسا كىم داۋالايدۇ؟ شۇڭا، ئالدى بىلەن بەگلەرنىڭ مىجەزى توغرا، ئىش-ھەرىكىتى پاك بولۇشى لازىمدۇر. بەگلەرنىڭ تۇتقان يولى خەلق ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يوليورۇقتۇر. بەگلەرنىڭ يوسۇنى قانداق بولسا، خەلقمۇ شۇ يوسۇننى كۆرۈپ ئۆرنەك قىلىدۇ. ئۆتكەنكىلەر ئېيتقان مۇنۇ سۆز بۇ مەنەنى تېخىمۇ يورۇتىدۇ: بەگلەرنىڭ ماڭغان يولى قولنىڭمۇ ماڭغان يولىدۇر. بەگنىڭ ھەرىكىتى دۇرۇس، ئىشلىرى ئادىل بولسا، قول تېخىمۇ ياخشى يول تۇتىدۇ.

ئەھل باشلار ئەر يۈرەكلىك، جەسۇر بولسا، يۈرەكسىزلەر ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ يۈرەكلىك تېپىيالايدۇ. يۈرەكلىك ئەر يۈرەكسىزگە باش بولسا، ھەممە كىشى يۈرەكلىك بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ بېيىت بۇ سۆزىمىزگە توغرا شاھىتتۇر:

بولۇشەرسە ئىتقا، كۆر باش ئارسلان، بولۇر ئىتلار ھەم ئارسلانسمان. ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش، بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

ئادەمنى ناپاك ئىشلاردىن توسقۇچى پەزىلەت شاھى ھايادۇر. ھايا بارلىق نامۇۋاپىق ئىشلاردىن توسقۇچى، بارلىق ياخشى ئىشلارغا يولاشتۇرغۇچىدۇر. شۇڭا، بەگلەر ھايالىق ئېسىل كىشى بولۇشى كېرەك. ھايالىق كىشىنىڭ ئىشلىرى پۇختا بولىدۇ، بۇزۇلمايدۇ. ھايالىق كىشىنىڭ قىلىقلىرى يېقىملىق بولىدۇ. ئۇلار ناچار ئىشلاردىن نېرى بولىدۇ. خۇدا كىمگە نومۇس، ھايا ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا دۆلەت ۋە چوڭ ئىناۋەت بەرگەن بولىدۇ.

115

بەگلەر ئەخلاق-پەزىلەتتە كامالەت ئېگىسى بولۇپ قالماي، ھۆسن-سالاپەتتىمۇ شۆھرەت تاپقان بولۇشى لازىمدۇر. بەگلەر كۆركەم يۈزلۈك، كېلىشكەن، قامەتلىك ۋە ساقلى يارىشىملىق بولۇشى لازىم. بوي-تۇرقى ئوتتۇرا بولسا مۇۋاپىق. ۋەتەن-خەلقى بېگىنىڭ ھۆسن-جامالىدىن سۆيۈنسۇن ۋە پەخرلەنسۇن. بەگلەرنىڭ گۆزەللىكى ئۆزىگە باققۇچىلارنىڭ كۆزىگە زوق بەرسە، ئۇنىڭ جەسۇرلۇقى ۋە قەھرلىكلىكى دۈشمەنلەرگە ئاپەت كەلتۈرسۇن. بەگنىڭ ئىشى بويى بەك ئۆزۈننىمۇ خۇپ كۆرمەيدۇ، بەك پاكار بولسىمۇ چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئوتتۇرا بوي بولغىنى ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. بۇ ھەقتە بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن ئاقىل كىشىلەر: بويى پاكار ئادەم ئاجىز بولىدۇ، ئىتتىك غەزەپلىنىدىغان كېلىدۇ. روشەنكى، قەيەردە غەزەپ ۋە تەنتەكلىك بولسا شۇ يەردە جىدەل چىقىدۇ. بويى بەك ئۆزۈننى بىلىم خۇپ كۆرمەيدۇ. شۇڭا، بويى ئۆزىگە يارىشىدىغان ئوتتۇرا بوي بولغىنى تۈزۈك. بىلىمدانلار ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇڭلار، دېيىشكەن.

ئالىيلىرى، بەگلەر يۇقىرىقىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم تەدبىرى ئەنىڭ تۈۋرىكى، ئوقى، مۇستەھكەملىكى، ئاساسى ۋە يىلتىزى بولغان مۇنۇ ئىككى ئىشنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم. ئۇنىڭ بىرى خەلقنىڭ ھوقۇقى بولغان قانۇن، يەنە بىرى ئەسكەر ۋە خادىملارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققى ۋە تارتۇقلارنى ئوقسەتمەسلىك. ئادالەت ۋە توغرا قانۇن بىلەن خەلق بەختىيارلىققا ئېرىشسە، كۈمۈشنى كۆرۈپ ئەسكەر، خىزمەتچىلەرنىڭ چىرايى ئېچىلىدۇ. بۇ ئىككى تەبىقە بەگدىن رازى بولسا بەگلىك تۈزىلىدۇ، ئوردا ھەم سۆزۈلىدۇ، بەگنى ھالاۋەتكە ئېرىشتۇ. قايسى بەگ خەلققە قانۇن بەرمەيدىكەن، خەلقنى قانۇن بىلەن قوغدىمايدىكەن، خەلقنى قانۇنسىز تالان-تاراج قىلىدىكەن، بۇ خەلقنى ئۆز قولى بىلەن ئوتقا

تەققانلىق، ئىلىنى ئۆز قولى بىلەن سورىغانلىق بولىدۇ. بۇ ھالدا بەگلىكنىڭ ئۆلى بوشاپ، دۆلەت شۈبھىسىز يىقىلىدۇ. بەگلەر ئەسكەر ۋە خادىملارنى كۆمۈش بىلەن سۆيۈندۈرەلمىسە، قىلىچ قىنىدىن چىقمايدۇ. بەگلەر قىلىچ بىلەنلا ھۆكۈمرانلىقنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. قورالسىز بەخۈت بەگ ئىلىنى باشقۇرالمايدۇ. قىلىچ-پالتا ئېلىنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر. خەلقنىڭ يولباشچىلىرى قىلىچقا تايىنىپ ئىلىنى كېڭەيتەلەيدۇ. قىلىچ-پالتا بىلەن دۈشمەننى يېڭىپ، دۇنيانى سورىغان باھادىرلار شۇڭا: «ئەي ئەل سورىغۇچى، ئەلنى قوغداش بۇرچۇڭنى ئۇنتۇما، زەھەر يېگەندىنمۇ بىخۇتلۇقتىن يەيدۇ. بەخۈت بولماي قۇدرەتلىك بولاي دېسەڭ قىلىچ بىلەن پالتانى ئۆزۈڭگە ساقچى قىل. قىلىچ ساقچى بولسىلا، بەگ ئامانلىق تاپىدۇ» دېگەن. قىلىچ قىنىدىن چىقىپ يالتىراپ تۇرسا، دۈشمەن ئۆزىدىن چىقمايدۇ. قىلىچ قىنىغا كىردىكەن، بەگكە ئامانلىق بولمايدۇ. ھەي بەگ، قىلىچ تۇتقۇچىلارنى سۆيۈندۈرگىن، ساڭا خۇشال-خوراملىق يار بولسۇن، زەخمەت سەندىن نېرى بولسۇن.

مەقسەت دىدارنى كۆرۈش ئۈچۈن بەگلەر سەخىيلىكنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشى لازىمدۇر. سەخىيلەرنىڭ نامى مەشھۇر بولىدۇ، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە نام-شۆھرەتنى ئاڭلاپ، توپ-توپ ئەسكەر يىغىلىپ، زور قوشۇن ھاسىل بولىدۇ. قوشۇن بىلەن بەگ تىلىكىگە يېتىدۇ. دانىشمەنلەر ئېيتقانكى: ھەي باھادىر، يىغىپ، توپلاپ قەھرىمان يىگىتلەرگە بەر، سەخىي بول، غەنىمەت قىل، يىگۈز ھەم ئىچكۈز، مېلىڭ تۈگىسەپ قالسىمۇ يەنە توپلاپ كىيگۈز. «جەسۇر باتۇر ئەر ئۈچۈن مال كەم ئەمەس، ئالغۇر ئاق لاچىن ئۈچۈن يەم تۈگىمەس». كىمدە قىلىچ-پالتا، ئوق ۋە يا، يۈرەك ۋە جاسارەت بولىدىكەن، مالدىن غەم قىلمايدۇ. جاھانگىر دانا بەگلەر خەزىنىنى قانداق توپلىدى؟ قوشۇن قەيەرگە ئاياغ باسسا شۇ يەرنىڭ تەييار خەزىنىسىگە ئېرىشتى. دېمەك، دۆلەتنى باشقۇرۇش

117

ئۈچۈن كۆپ ئەسكەر، خىللانغان قوشۇن كېرەك. قوشۇننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھېسابسىز مال-دۇنيا كېرەك. مال-دۇنيا توپلاش ئۈچۈن خەلق بېيىشى لازىم. خەلقنى باي قىلىش ئۈچۈن توغرا سىياسەت، ئادىل قانۇن يولغا قويۇلۇشى زۆرۈر. بۇلارنىڭ بىرى بولمىسا قالغان ئۈچىمۇ قولغا كەلمەيدۇ. بۇ تۆتلىسى قولدىن كەتسە دۆلەت بەربات بولىدۇ.

خەلقنى يېتەكلىگۈچى بەگنىڭ يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى ئۈچۈن زور ئەجىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەجىر بىلەن بىرگە مەردلىكمۇ كېرەك. تىرىشچانلىق ۋە مەردلىك بىلەن شۆھرەت قازانغان بەگكە ئولجا ئۆزى كېلىدۇ. كىمنىڭ تىرىشچانلىقى بولمىسا ئۇ ئۆلۈكتۇر. تىرىشچانلىق نېمەتتىن مەھرۇم قالغۇچى ھەر ئىككى دۇنيادا تېگىشلىك ئۈلۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەلنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، تىرىشچانلىق، مەردلىكلا كۇپايە قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىياسەتمۇ كېرەك. سىياسەتكە بەگ ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىشى لازىم. بەگ سىياسەت بىلەن قانۇننى تەرتىپكە سېلىپ ئەلنى تۈزەيدۇ. خەلقمۇ قىلغىنى سىياسەتكە بېقىپ ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا مۇنۇ سۆز شاھىتتۇركى، قەيەردە شاھەت بولسا، ئۇ ئىشەنچلىك ھۆججەت ئەمەسمۇ؟ بەگلىرىنىڭ ئىشكىنى سىياسەت زىننەتلەيدۇ. بەگ سىياسەت بىلەن ئەلنى تۈزەپ، يامانلارغا سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك، خەلقنىڭ مالمانىمۇ سىياسەت باسدۇ.

ئۆگدۈلمىش ئىلىك توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇلاسىلىدى:

— ھەي قۇتلۇق ئىلىك، ئەل ئىشىنى قىلماقنىڭ نامى تولۇق، خەلقنى باشلىماقمۇ بۈيۈك ئىش. بىراق، خەلقنى توغرا يېتەكلىيەلمىسەڭ ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس. قارايدىغان بولساق، باش ئاغرىقى تولا، مۇشەققەتى كۆپ؛ ھۇزۇرى ئاز، ئازابى كۆپ؛ ماختىغۇچىلار ئاز، سۆككۈچىلەر كۆپرەك. شادلىقنى سورىساڭ

تېخىمۇ ئاز، قاياققا قارىساڭ تەشۋىشلىكتۇر. بەگنى ھىمايە قىلىدىغانلاردىن ھىمايە قىلمايدىغانلار كۆپرەك، راھىتى ئاز، غەۋغاسى تولا، نەگە باقساڭ كۆڭلۈك يېرىم بولىدۇ. ئەر ئۈچۈن كۆڭۈل يېرىملىقىمۇ بىر ئازاب. ھەر بىر ئىشنىڭ خەۋىپ-خەتىرى كۆپ، خەيىمخەتەرگە يولۇققاندا كېپىنەك ئۆچىدۇ. بۇ ھەقتە ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سال: ئىشىڭنىڭ بوينى نازۇكلۇقتا قىلدەك، بېشى يوغىنلىقتا گۈمبەزدەك، مەسىلىكى، بەگلىك ئىشى خۇددى قىلىچ ئۈستىدىكى باشتۇركى، ھەر كۈنلۈك ئىشى مىڭ پاتمان خەتەر ئىچىدە ئۆزگىنىدەك، دېگەن. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى گۆھەرگە ئوخشاش قىممەتلىكتۇر. شۇنداق، بەگلىكنىڭ بىرى شادلىقتا كۈلسە، يەنە بىرى ئۆز بېشىنى يەيدۇ. بۇنداق تەقدىر ھەممە بەگلىكنىڭ بېشىدا بار. ھەر ئىككى دۇنيانى قولۇڭدا تۇتۇپ تۇراي دېمىكەنسەن، مۇنداق بىر قانچە ئىشنى قىلماق لازىمدۇر. ئاللاغا سېغىنىپ، كۆڭلۈك ۋە تىلىڭنى تۈز تۇت. ئاللانىڭ ئەمىرىنى ئەزىز بىلىپ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بول. تەقدىردىن ساڭا نېمە ئىرادە قىلسا رازى بول. قازاغا رىزا بولۇش بەندىلىك ئىكەنلىكىنى بىل. خەلققە ياخشىلىق ئىزدە، ئۆزۈڭمۇ ياخشى بول، پۈتۈن خەلققە چىن دىلىڭدىن مېھرىبانلىقىڭنى كۆرسەت. خەلققە زىيان سالغۇچى بولما. ئۇلارنى يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ، ئىش-ھەرىكىتىڭ بىلەن خەلقنى ياخشىلىقىڭدىن بەھرىمەن قىل. ھاياتلىق ئالىمى ساڭا مەنسۇپ بولدى. ھاياتنى غەنىيمەت بىلىپ ئويناپ كۈل. جېنىڭ چىقسىمۇ زور ئۈمىدۋارلىقتا بولكى، ئاللانىڭ ياخشىلارغا ياخشى يول بېرىدىغانلىقىغا ئىشەن.

* * *

پاراسەت ئۆ ئىلىمنىڭ مېۋىسى. ئەل باشقۇرۇپ سىناقتىن ئۆتكەن ئەزىمەتلەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: ياخشىلىق نەچچە يىللار ياتسىمۇ قېرىمايدۇ، يامانلىق قانچە پەرداش قىلساقمۇ تۈزەلمەيدۇ. ياخشى ئادەم ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى تىلەكلەرگە ئېرىشىدۇ، ياماننىڭ غىمى بولسا كۈندە مىڭلاپ ئاشىدۇ.


— ئالىملىرى، مەن بىلگەنلىرىمنى ساڭا تولۇق ئېيتتىم، سەن ئاڭلىدىڭ. بەگ ئۈچۈن مانا شۇنداق پەزىلەت ۋە بىلىم كېرەك. كىم شۇنداق قائىدە-يوسۇنلۇق، پەزىلەتلىك بولسا، ئۇنى بەگ ئاتاپ، ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلسا بولىدۇ. مۇنداق خەلق باشلىرى مۇكەممەل بەگ بولالايدۇ. ئۇنىڭدىن كىشىلەر كۆپلەپ ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ. بىلىملىك، زېرەك كىشىلەر شۇڭا: بەگ بىلىملىك، ئەقىللىق، توغرا بولۇشى، يۈرەكلىك بىلەن شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشى، سېخى، توغرا ھەم نومۇسچان بولۇشى، سىلىق ھەم مېھرىبان بولۇپ، ئىشىنى ياخشى قوغدىشى لازىم، دېگەن. دېمەك، بەگ پۈتۈن پەزىلەتلەردە ھەر كىمدىن ئۈستۈن بولۇپ، ئىشىنى ياخشى قانۇندىن بەھرىمەن قىلىالايدىغان بولسۇن. قايسى ئەلنىڭ مۇشۇنداق بېگى بولىدىكەن، ئۇ بەگ خەلقى دەردتىن خالاس بولۇپ، نىجاتلىق تاپىدۇ. ئەلدە تىنچلىق ئورنىتىلىپ، بەخت قۇياشى نۇر چېچىدۇ. ئادەرىخا! مۇشۇنداق كىشىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ-ھە! ئەي ئىلىگ، مانا بۇ مېنىڭ ئوققان-بىلگەنلىرىم، ھەممىنى ساڭا ئېيتتىم، — دەپ ئېھتىرام بىلەن سۆزىنى ئۈزدى ئۆگدۈلمىش.

كۈنتۇغدى ئۆگدۈلمىشكە يەنە سوئال قويدى:

— ئۇقتۇم، توغرا گەپلەرنى قىلدىڭ، — دېدى ئىلىگ، — سۆزلىرىڭدە بىلىمدىن چەتنىمىدىڭ، ماڭا كېرەكلىمۇ دەل سەن.

ئېيتقان بىلىما - . ئەمدى ساڭا ئېيتىدىغان يەنە بىر سۆزۈم بار. بەگلەر ئاق سىرخىل، پەزىلەتلىك بولۇشى كېرەككەن، ئۇنداقتا بەگلەرگە ۋەزىر بولغۇچى قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولىشى لازىم؟ مېنىڭ ئۈمۈدۈم، ۋەزىر خەزىنىنى ئالتۇن-كۆمۈشكە تولدۇرسا، ئەلنى تۈزەپ، شەھەر-كەنتلەرنى كۆپەيتسە، توغرا قانۇن بىلەن ئەل سورىسا، قوشۇن كۆڭلىنى ئەللىتسا، خەلق ياتلارنىڭ قولىدىن ئامان بولۇپ، ئېسەنلىككە ئېرىشسە، بەگنىڭ ياخشى نامىنى مەڭگۈ ئۆچمەس بولاتتى. ماڭا بۇلارنىمۇ ئوچۇق ئىزھار قىلىپ بەرسەڭ.

121

ئاۋازلىق كىتاب
10-باب: بەگلىككە مۇناسىپ بەگنىڭ ئۆلچىمىنى ئەقىل تارازىسىدا تارتىلغانلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--