تىزىملىك
تىل تاللاش:
2-قىسىم 11-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

ئۆگدۈلمىشنىڭ دۆلەت ۋەزىرى بولمىش كىشىنىڭ ئۆلچىمىدە تون پىچقانلىقى

Ögdülmishning Dölet Weziri Bolmish Kishining Ölchimide Ton Pichqanliqi

ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ تەكلىپى بىلەن تىل پەدەسنى ۋەزىر مۇقامىغا مۇنداق باستى:

ئۆگدۈلمىشنىڭ دەۋلەت ۋەزىرى بولمىش كىشىنىڭ ئۆلچىمىدە تون پىچقانلىقى

ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ تەكلىپى بىلەن تىل پەدەسنى ۋەزىر مۇقامىغا مۇنداق باستى:

— ئالىيلىرى، ۋەزىر بولمىش كىشى ھەر قاچان بەگنىڭ ئەل ئىشىغا سۇنغان قولى. ئۇ بەگلىرىنىڭ يۈكىنى يۈدۈگۈچى ۋە خانلىقنىڭ ئۆلىنى مەھكەم تەكۈچىدۇر. بۇ ئۇلۇغ ئىشقا ياراملىق ئەر كېرەك. ۋەزىر ياراملىق بولسا، بەگلەر ئارامخۇدا ئۇخلايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ۋەزىرلىككە تاللانغان سەرخىل ئەر قويۇلۇشى، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى، ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئىشقا بېرىلىشى، يۈرىكىمۇ بېگى ئۈچۈن سوقۇشى لازىمدۇر. ئۇ دېگىزدەك چوققۇر بىلىمى، كامىل ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك پۈتتۈرۈپ، بېگىنىڭ يۈزىنى يورۇتۇشى لازىمدۇر. بەگدىن قالسا ئەل ئىچىدە قولى ئەڭ ئوزۇن كىشى ۋەزىردۇر. ئۇ بەگنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگۈچى، ئەمىرنى بەجا كەلتۈرگۈچىدۇر. شۇڭا، ۋەزىر ئەسىل نەسىبلىك، تەقۋادار بولۇشى، كۆڭلىنى توغرىلىق بىلەن ئۆتكۈزۈشى لازىم. ئەسىل نەسىبلىك بولمىسا پاك بولمايدۇ، ناپاك كىشى ۋەزىرلىككە يارىمايدۇ. ئاپادار كىشىلەر ئەسىل ئۇرۇق-تۇققان كىشىلەردۇر. ناپاك كىشىلەرنىڭ ئىشى جاپا مۇئەسسەسەدۇر. ۋەزىر ئەقىللىق، بىلىملىك، زېرەك ھەم مۇلايىم بولسۇن. ئەقىل-ئىدراكلىق كىشىنىڭ نەسىلىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇ

قەيەردە بولسا روناق تاپىدۇ، شان-شۆھرەتتىنمۇ قۇرۇق قالمايدۇ. ئۇ ئىمانى كامىل، پاك ۋە راستچىل، ئۆز خولقلۇق بولسۇن. ئۇ ئاياغ باسقان يەردە خەلق ئەمنلىك تاپسۇن. سەمىمىي، تەقۋادار كىشى ئىشنى ئېھتىيات بىلەن قىلىدۇ. يارامسىزلارغا يېقىن يولىمايدۇ، ئىشنىڭ پەيتىنى بىلىدۇ، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدۇ. قانۇن تۈزگۈچى ۋە قانۇن تۈزۈپ تۇرنىڭ بېشى بولغۇچىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: نەسلى ساپ كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى شۇنچىلىك سىلىق، ۋاپادار قويدەك شۇنچىلىك ئىسسىق بولىدۇ. ئەسلى ناپاك كىشىگە ھەر قانچە شەپقەت بىلەن يىلىك يېگۈزسەڭمۇ، ئۇنىڭ چاچىدىغىنى ۋاپاسىزلىق ۋە جاپا تۆرۈغىدۇر.

ئۆزى ھايالىق، كۆزى توق، ئىشەنچلىك بولسۇن. كۆزى توق ئادەم مال-دۇنياغا ھېرسىمەن بولمايدۇ. ئاچ كۆز ئادەم پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىقىغا ئېرىشسىمۇ تويمايدۇ. ئادەمنىڭ ئېسىلى ھايالىق كىشىدۇر. ھايالىق كىشى ھەم كىشىلەرنىڭ بېشىدۇر. ھايالىق كىشىگە ھەر قانداق ئىشنى تاپشۇرسا بولىدۇ. ئادەم قاباھەت ئىشكنى ھايا بىلەن ئېتىدۇ. ھاياسىز كىشى ئادەمنىڭ ئەسكىسى ھەم پەسكىشىدۇر. ھاياسىزنىڭ ئېغىزىدىن چىرايلىق سۆز چىقمايدۇ. ھايالىق كىشى بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ھاياسىز كىشىدىن يىراق تۇر. ھاياسىزنىڭ كۆزىدە خونۇك بىر قاراق بولىدۇ. ھاياسىزنىڭ يۈزىگە سەپسالساڭ ئەتسىز بىر سۆڭەكتۇر، كۆزىگە قارساڭ ئېتىلمەس تۈشۈكتۇر، دېگەن. ھايالىق ئادەمنىڭ يۈزى يورۇق، كۆزى نۇرلۇق بولىدۇ. بۇ سەمىمىي نەسىھەتنى ئەستە تۇتقۇلۇق.

ئۆزى بولمىش ئادەم ھۆسن-سالاپەتتە كېلىشكەن، چاچ-ساقاللىرى يارىشىملىق ياسالغان، بەھەيۋەت بولسۇن. بۇ بەھەيۋەت ئۇنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشىگە يارايدۇ. ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ئەلگە ئۈلگە بولسۇن، خەلق ئۇنىڭدىن ھەر

زمان مەنىپەئەتدار بولسۇن. ئىش بېشى ئىشتا دۇرۇس بولمىسا، بەگنىك ھەممە ئىشلىرى ئەگرى بولىدۇ. ئۆزىر ئىشەنىچلىك، ئادىل بولغاندىلا، ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئىش تاپشۇرغىلى بولىدۇ. چىرايلىق ئادەمنيك قىلىقىمۇ چىرايلىق بولىدۇ. بۇنداق كىشىدىن ئەلگە نەپ تېگىدۇ. كىمنىڭ ھۆسۈن-جامالى چىرايلىق بولسا، ئىچكى دۇنياسىمۇ چىرايلىق بولىدۇ. بۇ جەھەتتە كۆپ ئەمەلىيەتنى ئۆتكۈزگەن، سىناپ بىلگەن ئاقىللار: ئادەمنىڭ تاشقى كۆرۈكى ئىچكى دۇنياسى بىلەن ھەمراھ، ھۆسۈن-جامالى ئىش-ھەرىكىتىگە گۇۋاھ. تېشىنى كۆرۈپ، ئىچىنى پەرەز قىل، ئىچى تېشىدەك، تېشى ئىچىدەك بولىدۇ، دېگەن.

ئۆزىر يەنە زېرەك، ھېسابتا پىشقان، يېزىقتا كامالەت تاپقان، تۈرلۈك پۈتۈكلەرنى بىلىم بىلەن پۈتەلەيدىغان بولسۇن. ئۆزىرنىڭ ھەممە ئىشى ھېساب بىلەن بولىدۇ. ھېساباتىنى ياخشى بىلمىسە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشىمۇ ئوبدان قىلىنماي قالىدۇ. ھېساب ئىشى توغرا ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن «ساق ئىش» دەپ ئاتالغان. قارىسا ھېساب ھەقىقەتەن ساق ئىش. ئادەم ئىش-كۆشلىرىنى ھېساب بىلەن بىجىرىدۇ. يىل، ئاي، كۈنلەرنىڭ ھېسابىنى ھېسابلاپ بىلىدۇ. زېرەك ئادەم ئىشلىرىنى ئۆتۈقلۇق ئورۇنلايدۇ. زېرەك بولسا ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. يېزىق كىشىنى زېرەك قىلىدۇ. يېزىق بىلگەنلىك — زېرەكلىكنىڭ نىشانىدۇر. ئادەم تۇققان-بىلگەنلىرىنى يېزىق بىلەن پۈتۈيدۇ. پۈتۈكتە قالغىنى شۇ ئەينىڭ ھاياتىدا نېمە ئىش قىلغانلىقىدىن كېيىنكىلەرنى ۋاقىپلاندۇرىدۇ. ئادەم بالىسى يېزىق بىلمىگەن بولسا يىل، ئاي، كۈنلەرنىڭ ھېسابىنى قانداق بىلەلەيتتى، ئالىملار كىتابقا پۈتۈپ قويمىغان بولسا، تارىخنى ئىسپاتلاشنىڭ چارىسىنى قانداق تاپاتتى؟! شۇڭا، خۇدا ئالەمنى يارتىشتىن بۇرۇنلا لەۋھى قەلەمنى يارتىپ ئىشلىتەكەن. پەرىشتىلەرگە بولسا بەندىلەرنىڭ ھاياتلىقىدىكى بارلىق ياخشى-يامان ئىشلىرىنى پۈتۈپ قويۇشقا

124

بۇيرۇغان. ئاللا قىيامەتتە ئۇلاردىن بۇنىڭ سورىقىنى ئالىدۇ.

ئۆزەر مېھرىبان دىللىق، يۇمشاق تىللىق بولمىقى لازىمكى، بۇنداق كىشى كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدۇ. سۆيگۈگە سازاۋەر كىشى دوستلارنىمۇ خۇشال قىلىدۇ. كەمتەر، مۇلايىم كىشىلەر يۇمشاق دىللىق كىشىلەردىن سۆيۈنۈپ: كىشى ئۈچۈن يۇمشاق دىللىق بولۇش نېمىدېگەن ياخشى، كۆڭلى يۇمشاق كىشى خەلق ئارىسىدا سۆيگۈگە سازاۋەر، رەھىمسىز ئادەم سۆيگۈدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئابرۇي كەمتەرلىكتە كۆكلىيىدۇ، تەكەببۇر كىشى بۈيۈكلۈكنى قورۇتۇدۇ، دېگەن. ئۆزەرلىككە ئىنتايىن مېھرىبان-شەپقەتلىك، ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك، ئەقىللىق، كامىل گەر كىشى، ئۇ تىلى بىلەن دىلى بىردەك، ئىش-ھەرىكىتى دۇرۇس، ھايالىق، كۆيۈمچان ۋە خەلقنىڭ ھەققانىيەتچىسى بولسۇن. كۆزى توق، سەگەك، يارامسىز بىلەن ياراملىقنى پەرىق ئېتەلىيدىغان، ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان، خىزمەتكە سادىق، تىرىشچان، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان، يامانلىقتىن ئېمىنىدىغان پاك دىل بولسۇن. كىمدە مۇشۇنداق پەزىلەتلەر بىلەن بىلىم بولسا، ئۇنىڭ شۇنداق ئادەمگە ئۆزەرلىك مەرتىۋىسىنى بەرسە بولىدۇ. بۇنداق كىشى بەگلەرگە ئۆزەر بولسا، بەگلەرنىڭ ئىشى نىيىتىدىكىدەك بولۇپ، بەگ ۋە خەلق ئاسايىشلىقتا ئۆتەر، ئەل تۈزۈلۈپ، خەلق بايلىققا ئېرىشكەي. يارامسىز، ياۋۇز ئادەم ئەلگە ئۆزەر بولۇپ قالسا ئۇ ئەل بۇزۇلۇپ، باي ۋە كەمبەغەل تەڭلا نامراتلىقتا، مۇھتاچلىقتا ۋەيران بولغاي. ياخشى ئۆزەرنىڭ پايدىسى خەلققە بولىدۇ. خەلقنىڭ پايدىسى ئەلگە ھۇزۇر ئېلىپ كېلىدۇ. دېڭىزدەك چۆڭقۇر بىلىمى بىلەن قەلبىنى يورۇتقان كىشىنىڭ مۇنۇ سۆزىگە قۇلاق سالايلۇق: ئىلىكىڭنىڭ تىلى بىلەن دىلى ياخشى بولسا، خىزمەتچىلىرىمۇ توغرىلىق يولىنى تۇتىدۇ. تىلىڭ زالىم ھەم ئەسكى بولىدىكەن، خىزمەتچىلىرىمۇ دۇرۇس يولنى بۇزىدۇ. دېمەك، خادىملارنىڭ ياخشى بولۇشى، زىيانداش بولماسلىقى

بېگنىك ياخشى بولۇشىغا باغلىق. بەگلەرنىك ئۆزى ئەسكىلەشمىگۈچە ئۆزىگە ئەسكىلەرنى يېقىن يولاتمايدۇ. قەيەرگە يامانلار ئىز باسقان بولسا، شۇ يەردە يامانلار ماكان تۇتۇدۇ.

ئەي ياخشى ئەلىك، ياخشى يۈرۈپ، ياخشى دوستلارنى ئىزدە. يامانلار ياخشىلار بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. تۇز نەرسە بىلەن ئەگرى ياراشمايدۇ. كۆرمەمسەن، قارا تۈن بىلەن يورۇق كۈن يېقىنلىشالمايدۇ. يېشىل سۇ قىزىل ئوتقا مېھمان بولالمايدۇ. ھەر قانداق نەرسە ئۆز خىلى، ئۆز توپى بىلەن قوشۇلۇپ ياشايدۇ. مەسىلىكى: ناتونۇش بىر كىشىنىك قانداقلىقىنى بىلمەك بولساڭ، ئۇنىڭدىن كىملەر بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى سورىساڭلا ئۇ ئادەمنىك قانداقلىقىنى پەرق ئېتەلەيسەن. بۇ سۆزگە شاھىت بولالايدىغان مۇنۇ پەندنى كۆڭۈلگە پۈككۈلۈك: قارا، يۈرۈيدىغان، ئۇچىدىغان بارلىق جانلىقلار ئۆز جۈپتىلىرىنى قولداش ۋە يولداش تۇتۇدۇ. يامانلار ياخشىلاردىن قاچىدۇ. مانا بۇ ھەممە ئۈچۈن ئورتاق قائىدە. ئەي ياخشىلارنىك بېشى ئەلىك، يامانلارغا قىتىلما، يامانلارنىك يۈكىنى يۈدۈمەكمۇ تەس، ئۇلارنىك قىلىقى ئىنتايىن پەس. ۋەزىر دېگەن بېگنىك كۆزى، كۆزى بولىدىغان ئادەمنى بەك تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى لازىم. ئەگەر بەگ ئۆزىگە يامان خۇيلۇق ئادەمنى يېقىن تۇتۇدىكەن، ئۆزىنىك نامىنىمۇ بولغايىدۇ، خەلق ئىشلىرىمۇ خارابلىققا يۈز تۇتۇدۇ. بەگلەر ئۆزىگە ياخشى كىشىنى ۋەزىر قىلسا، ياخشى نامى قالىدۇ، خەلقنىك ئىشلىرىمۇ روناق تاپىدۇ.

ئالىملىرى، ۋەزىرلىك ئىشىغا شۇنداق ئادەملەرنى قويغاندا، بەگمۇ ئارام تاپىدۇ، خەلقمۇ خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. بەگنىك ئىشلىرى تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشۈپ، تىلىكىمۇ تولۇق ئورۇنلىنىدۇ، ئېلى تەرتىپكە چۈشۈپ، خەلق بېيىيدۇ، خەزىنە تولۇپ، بەگنىك ئۆمرى پاراغەتتە ئۆتىدۇ. ئۆزى قېرىسىمۇ نامى مەڭگۈ قالىدۇ. قېرىپ ئۆلگەندىمۇ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

126

بو دۇنيانىڭ ھەم ئۇ دۇنيانىڭ مەئىشىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، مەڭگۈلۈك سائادەتكە ئۈلۈشىدۇ.

— ئالىيلىرى، سورىغانلىقىڭ ئۈچۈن بىلىدىغانلىرىمنى ساڭا ئېيتتىم. سۆزلىرىمنى ئورۇنلۇق بىلىسەڭ قوبۇل قىلغايسەن، — ئۆگدۈلمىش ئېلىگكە قول باغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى توختاتتى.

— بۈگۈن ناھايىتى ياخشى سۆزلەرنى قىلدىڭ، سۆزلىرىڭنى تولۇق ئۇقتۇم، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ رازىمەنلىك بىلەن، — ئەمدى ماڭا سۈ باشلار ① نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، بەگلەرنىڭ ئىشنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سۆزلەپ بەرگىن. سۈ باشلار ئەر قوشۇنغا يۈرەكلىك قوماندانلىق قىلالايدىغان، جەڭ ئىشلىرىنى بىلىدىغان، جەڭ ئىشلىرىدا يېڭىلىشمەي، توغرا باشقا ئېلىپ چىقالايدىغان، ياۋ ئەسكەرلىرىنى پارچىلاپ تارمار قىلالايدىغان بولسۇن. بۇ ئىشقا قانداق ئادەمنى قويۇشۇم كېرەك؟

ئۆگدۈلمىش تەكىنلىك لىباسنى كىيىپ، تىل زۇلپىقارنى ئوينىتىپ، سۈ باشلار ئەرىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى مۇنداق بايان قىلدى.


① سۈ — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قوشۇن، لەشكەر» دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، «سۈ باش» — ئەرەبچە قوماندان دېمەكتۇر.

ئاۋازلىق كىتاب
11-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ دۆلەت ۋەزىرى بولمىش كىشىنىڭ ئۆلچىمىدە تون پىچقانلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--