تىزىملىك
تىل تاللاش:
2-قىسىم 12-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆز باشلار ئەرنىڭ جاسارىتى ۋە ماھارىتىنى بايان قىلغانلىقى

Ögdülmishning Söz Bashlar Erning Jasariti we Maharitini Bayan Qilghanliqi

ئۆگدۈلمىش ئېھتىيات قالقىنى بىلەن قەلەم زۈلپىقارنى چاپتۇرۇپ جەڭگاھتا مۇنداق نەرە تارتتى. — ئالىيلىرى، ياۋ بىلەن بولغان كۈرەشتە غالىبلىق تۇغى ھەر قاچان قولۇڭدا بولسۇن، — دەپ سۆزىنى...

ئۆگدۈلمىشنىڭ سۇ باشلار ئەرنىڭ جاسارىتى ۋە ماھارىتىنى قەلەم تىلىدىن بايان قىلغانلىقى

ئۆگدۈلمىش ئېھتىيات قالقىنى بىلەن قەلەم زۈلپىقارنى چاپتۇرۇپ جەڭگاھتا مۇنداق نەرە تارتتى. — ئالىيلىرى، ياۋ بىلەن بولغان كۈرەشتە غالىبلىق تۇغى ھەر قاچان قولۇڭدا بولسۇن، — دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — بەگكە شۇنداق بىر جەسۇر، ئېھتىياتچان، سەگەك، باتۇر قوماندان كېرەككى، ئۇ ئالدى بىلەن بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن چوك يۈرەك ئادەم بولسۇن. قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش، قوشۇن سېپىنى تۈزۈش، ياۋنى يوقىتىش ئىنتايىن چوڭ ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ھوشىيارلىق كېرەككى، بىخەتلىكتىن پالاكەتكە يولۇقۇپ، دۈشمەننىڭ ئويقۇسىنى ئېچىپ قويۇپ، تاپا-تەنەنگە نشان بولمىسۇن. سۇ باشلار ئەر مۇلايىم، تەمكىن، سېخىي بولسۇن، ئەسكەرلىرىگە ئاش-تۇزىنى كەڭرى قىلسۇن، باتۇر ئەرلەر سېخىيلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىدۇ. قوماندان ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم دەپ مال-دۇنيا توپلىماسلىقى، بېغىم، سۈيۈم، يېرىم دەپ كۈمۈشكە ئۆزىنى ئاتماسلىقى، بار مال-دۇنياسىنى سېخىيلىق بىلەن ئەسكەرلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە بىر ئات، بىر تون ۋە ياراغ بولسىلا بەس دېيىشى، پۈتۈن ئارزۇسىنى قىلىچتىن ئىزدەشى لازىم. شۇندىلا ئەتراپىغا ئۆزى قوغدايدىغان، قوللايدىغان قولداش ۋە يولداشلاردىن كۆپ

توپلىنىدۇ. مەقسەت مەنزىلگە ئۇتۇقلۇق ئۇرۇش بىلەن يېتىلىدۇ. شان-شۆھرەتتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدۇ، غەنىيمەت ئالغان ئات-ئۇلاغ، قىز-ئوغلان، قورال-ياراغلارنى ئايىماي بېرىپ، ئەسكەرلەرنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا باتۇرلار شېرىن جېنىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلىشقا توپلىنىپ، ئېگىز قىيادەك ئۇنىڭ ئالدىدا ياتىدۇ.

سۇباشلار ئەركەكلىك، يۈرەكلىك، جەسۇر ۋە كەڭ قورساق بولمىقى لازىمدۇر. ئۇرۇشتا يۈرەكسىز ئەر ئىشقا يارىمايدۇ. يۈرەكسىز ئەر ئاياللارغا ئوخشاش قورقۇنچاقلىق بىلەن قوشۇننى بۇزىدۇ. قوشۇن بۇزۇلسا، ئەسكەرلەر بىر-بىرىنى بۇزىدۇ. جەڭدە قورقماس يۈرەك، چىداملىق ئىرادە كېرەككى، دۈشمەن ئات چاپتۇرۇپ باسقۇن قىلىپ كەلگەندە دەرھال توپلانماق لازىمدۇر. ئۆلۈم دېگەننىڭ بەلگىلىك ۋاقىت-سائىتى بولىدۇ. يىگىت ئەجەل كەلمىگۈچە جەڭدە ئۆلمەيدۇ. ئادەم ئۆلۈمنى ئۇنتۇغاندا دۈشمەننى يېڭىدۇ. بىر جەسۇر ئەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سالغۇلۇق: «ئىنسان ئاندىن تۇغۇلۇپ، تا ئەجەل شەربىتىنى ئىچمىگۈچە ئۆلۈم سىرتىدىن نەپەس يولىنى سىقمايدۇ. شۇڭدىن تۇرۇپ ياۋنى كۆرۈپ نېمانچە قورقۇپ كەتكۈلۈك؟! ياۋغا يالقۇندەك تېگىپ، ئۆردەك تۇتۇشقۇدەك.»

دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇش ئۈچۈن ئەردە يەنە نومۇس بولۇشى لازىمدۇر. نومۇس كۈچى بىلەن ئەر dۈشمەننى يېڭىپ، ھاقارەتنى ئويماي تۇرۇپ ئارقىغا قايتمايدۇ. قورقۇنچاقلارمۇ نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلىدۇ. ئەركەك دېگەن ماختىلىش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدۇ. يۈرەكلىك ئەر دېگىنىمىز دەل ئار-نومۇسلۇق ئەر دۇر. نومۇسچان ئەر ئۆلسە، جەڭدە ئۇرۇشۇپ ئۆلىدۇ. نومۇسسىزلار جەڭدىن ئەڭ بۇرۇن قاچىدۇ.

قۇماندان دۈشمەن ئالدىدا ھەيۋەتلىك ۋە قەھرلىك، خەلقى ئۈچۈن كەمتەر، مۇلايىم بولۇشى لازىم، چاچ-ساقىلى ياسالغان،

129

ھەيۋەتلىك، جەسۇرلىق، كەمتەرلىكتە نام-شۆھرىتى ئەل ئىچىدە يادلانغان بولسۇن. يامانلارنى قورقۇتقىلى ھەيۋەت لازىم بولىدۇ، ياۋاشلارنى سۆيۈندۈرگىلى ياخشىلىق ئەسقاتىدۇ. كەمتەر، مۇلايىم كىشى خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. قوپال تىللىق، قەھرلىك بولسا كىشى كۆڭلىنى سوۋۇتىدۇ. قوماندان ئۆزىنى چوك تۇتىدىكەن، شۈبھىسىزكى، دۈشمەندىن قامچا يەيدۇ. ئۆزىنى چوك تۇتقان كىشى غەپلەتكە پاتىدۇ. غەپلەتلىك ئەر ئەجەلىدىن بۇرۇن ئۆلىدۇ.

سۇ باشلار ئەر سىياسەت قىلىچىنى مەھكەم تۇتۇپ، قوشۇننىڭ ئىنتىزامىنى ياخشى كۆزىتىشى لازىمدۇر. قوشۇن ئىنتىزامى سىياسەتكە موھتاج. سىياسەت بىلەن قوشۇن باشقا ئېگە بولىدۇ. باشقا ئېرىشكەن قوشۇن تەمنىەتسىز قالمايدۇ. قانداق قوشۇن باشباشتاق، بوشاڭ بولىدىكەن بۇرنىغا يەيدۇ. يامانلارغا كۆرسىتىشكە ھەشەمەت بىلەن سىياسەت كېرەك، ياخشىلارغا يەنىلا ھۆرمەت كېرەك. ياخشىلارغا قولدىن كېلىشچە مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈلۈك، ئۇلارنىڭ شادلىقى ئۈچۈن ئېغىر يۈك يۈكلىمىگۈلۈك. بارلىق ئادەم ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياخشىلىققا ئېرىشتۈرگەن ئادەمگە قول بولۇشقا تەييار بولىدۇ. تۈزۈتلۈك بىر ئەر بۇ خۇسۇستا: ھۆر، ئازاد كىشىلەر ياخشىلىقنىڭ قۇلۇدۇر. سەن ياخشىلىق بىلەن توغرىلىق يولىنى ئاچقىن، ئادەمچىلىك قىلىشتا شۇنىڭغا يارىشا ئادەم بول. كىشىلەر ئادەمىيلىك يولىنى ئەنە شۇنداق قورغان، دېگەن.

سۇ باشلار ئەر دۈشمىنى ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن مۇنداق سۈپەتلىرى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇشى زۆرۈر: ئۇ سوقۇشقاندا ئارسلاندەك يۈرەكلىك، تۇتۇشقاندا قاپلاندەك كۈچلۈك بىلەكلىك بولسۇن، ياۋا توڭگۇزدەك تەرسا، بۆرىدەك كۈچلۈك، ئېيىقتەك يانماس، قوتىزدەك قاسساخور بولسۇن. ئۇ يەنە ھىيلىگەرلىكتە قىزىل تۈلكىدەك، قاسساكارلىقتا بوغرا تۆگىدەك…

بولسۇن، ھوشيارلىقتا سېغىزخاندىنمۇ سەگەك، يىراقنى كۆرۈشتە قىيا قوزغۇندەك بولسۇن، ئارسلاندەك يۈكسەك چىدام كۆرسەتسۇن، تۈنلەرنى ھوقۇشتەك ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزسۇن. مانا بۇلارنى ھازىرلىغان سۇ باشلار ئەر جەڭگىۋارلىق بىلەن ئىشىنى پۇختا ئادا قىلالايدۇ، دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، غالىبلىق توغىنى قادىيالايدۇ.

سۇ باشلار ئەرنىڭ ئاش-تۇزى ھەم نېنى مول بولسۇن، ئات-ئۇلاغ، تون ۋە ياراغلارنىمۇ يەتكۈدەك تەييارلىسۇن. يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپى بولۇشى ئەرنىڭ نامىنى يايىدۇ. يېمەك-ئىچمەك تىرىكلىكنىڭ كۆكى ئەمەسمۇ؟ نامى مەشھۇر بىر ئېلى ئادەمنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سال: ھەي قۇتلۇق كىشى، ياشاشنىڭ يولىنى ئىزدەيدىكەنسەن، نام-ئاتاق قازىنىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاش-تۇزۇڭنى كۆپ كۆرسىتىشىڭ لازىمدۇر. ئۇلۇغلۇق ئىزدەسەڭمۇ، ئوزۇنراق ھايات تىلىسەڭمۇ يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ ئۈلەشتۈر. ئادەمچىلىكنى بىلىدىغان سادىق، سېخىي كىشىلەر نان-تۇز ھەققى ئۈچۈنمۇ ئەرلىك ھەققىنى ئۆتەيدۇ.

مۇنداق بىر قانچە خىسلەتنى ھازىرلىغان سۇ باشلار ئەر ھايات-ماماتلىق زور ئىشلارنىڭ ئاساسىنى پۇختىيالايىدو. بىرى، سۆزى چىن، لەۋزىدە تۇرىدىغان بولسۇن. قۇتلۇقلار يالغانچى بولسا ئىشەنجسىز بولۇپ قالىدو. ئىككىنچى، قول ئاستىدىكىلەرگە سېخىيلىق بىلەن مال-تاۋارلىرىنى ئۈلەشتۈرۈپ بەرسۇن. بىلىش كېرەككى، مال-دۇنيا تەمەسىدىكى ئالارمەن كىشىلەر بېخىل كىشىگە يېقىن يولىمايدۇ. ئۈچىنچى، يۈرەكلىك، مەغرۇر بولسۇن. يۈرەكسىز كىشى ياۋنى كۆرگەندە ئاغرىپ يېتىۋالىدو. تۆتىنچى، تاكتىكىغا ئۇستا، ھىيلە بىلىدىغان بولسۇن. ھىيلە بىلەن ئارسلاننىمۇ بويسۇندۇرغىلى بولىدو. بەشىنچى، دۈشمەن سەپىنى بۇسۇش ئۈچۈن جۈرئەتلىك بولسۇن، پاراكەندىچىلىك

131

سېلىش ئۈچۈن چاققان بولسۇن. سۇ باشلار ئەر مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن بولسا، دۈشمەننى يېڭىپ ھەيۋىسىنى سۆندۈرىدۇ، قولى ئۈستۈن بولۇپ باش كۆتۈرىدۇ.

دۈشمەنگە يۈزلەنگەن سۇ باشلار ئەر ئويغۇدىن بيدار بولۇپ، كېچە-كۈندۈز ئويغاق بولسۇن. دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا زەربىدار قوشۇننى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، كۆزەتچى، چارلىغۇچىلارنى خىل قىلىپ، كۆز-قۇلاقنى سەگەك تۇتۇش بىلەن يىراقنى كۆزىتىشى لازىم. ئەگەر چارلىغۇچىلار دۈشمەننىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرىغا ئۇچراپ تۇتۇشۇپ قالغىدەك بولسا، ئايلىنىپ تېگىش قىلسۇن، دەرھال قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، مۇنتىزىم ھالەتكە ئۆتسۇن. ھېچكىم ئالدىغىمۇ ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ئارقىدىمۇ قالمىسۇن. قارارگاھنى ۋە مۇھاپىزەتچى قىسمىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، قوشۇن ساقچىلىرى بەك ھوشيار تۇرمىقى لازىم. ئەمەلدەر جەڭ ئەھۋالنى ئوبدان كۆزىتىپ تۇرۇشى، زەربىدار قىسىمدىن ھېچكىم ئۇنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالماسلىقى لازىم. قارارگاھ قۇرىدىغان جاينى ياخشى تاللاپ، ئاندىن قوشۇننى چۈشۈرۈپ، سوزۇق-تەمەي يىغىنچاق ئورۇنلاشتۇرسۇن، بەك سەگەك بولسۇن، غەپلەتتە قالمىسۇن. بىخوت قومانداندىن دۈشمەندىن تالاپەت يەيدۇ. قارارگاھ قۇرۇشتا ئوت-چۆپ، سۈيى بار جاينى تاللاش، دۈشمەنگە يېقىنلاشقاندا چارلىغۇچىلارنى باشلاش كېرەك. ياۋغا زەربە بېرىشتە ئالدى بىلەن دۈشمەنگە ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىش، بۇ ھىيلە بىلەن دۈشمەننى ئالاقزادە قىلىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن ھوشيار، سەگەك تۇرۇش لازىم. جەڭدە قايسى تەرەپ ھوشيار ۋە سەگەك بولسا، ئۇ دۈشمەنگە شۈبھىسىز تالاپەت كەلتۈرۈپ ئۈستۈنلۈك قازىنىدۇ. مانا مۇشۇ ئىككى قورالدىن دۈشمەن ئۆلۈمگە يۈز تۇتۇيدۇ.

ياراملىق سۇ باشلار ئەرگە قوشۇننىڭ كۆپ بولۇشى ھاجەت ئەمەس، خىملانغان بولمىقى لازىم. قوشۇنۇڭدىكى چېرىكلەر كۆپ

بولۇپ كەتسە باشلامچىسىز قالىدو. باشلامچىسىز قوشۇن يۈرەكسىز بولىدو. كۆپ ئۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر قوماندان قىياسەن: «ماڭا ئون ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇنمۇ كۆپلۈك قىلىدو» دېسە، تۈمەنلىگەن لەشكەرلەرنى مەغلۇپ قىلغان بىر باتۇر ئوغلان: «ماڭا تۆت مىڭ كىشىلىك ياراملىق قوشۇن يېتەرلىك» دېگەن. كۆپ قوشۇننىڭ سەپ تۈزگىنىدە ئىچكى قىسمى ئوخشاپ بولغۇسىز دەرىجىدە قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولىدو. جەسۇرلۇقتا تونۇلغان باتۇر ئەرلەر تەكتلەپ: قوشۇننىڭ كۆپ بولۇشىنى تەلەپ قىلما، خىل بولۇشىنى، قوراللارنىڭ سەرخىل بولۇشىنى تىلە. كۆپ قوشۇندىن ئاز بولسىمۇ مۇنتىزىم قوشۇن ئەلا. كۆپ كىشىلىك قوشۇننىڭ نۇرغۇن قېتىم يېڭىلغانلىقى تارىختا تولا، دېگەن. قوشۇننىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى دۈشمەنگە بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، قوشۇننى ياخشى كۆزىتىپ، تىل بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىمكان بار دۈشمەن تەرەپتىن تىل تۇتۇشقا تىرىشىش لازىم. تىلنىڭ مەلوماتىغا ئاساسەن ئىش تۇتۇپ، دۈشمەننىڭ بوينىغا دەسسەپ، بېشىنى كېسىش كېرەك. ھوشيارلىق، سەگەكلىك دېگەن مانا شۇ. ئۇرۇشتا كىم سەگەك، ھوشيار بولسا شۇ ئۇتىدۇ. ئويغاق بەگنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قارا: ئويغاق بەگنىڭ ئارسلان مىنىپ، قىلىچنى قامچا قىلىپ ئەجدىھالاردەك يول باشلىغىنىنى كۆر. دۈشمەن قوشۇنى كۆپ، ئۆز قوشۇنۇڭ ئاز ئەھۋالدا ئۇرۇش قىلىشقا ئالدىرىماي، تەدبىر ئۈستىدە ئويلان. سۈلھى تۈزۈش ئىمكانىيىتى بولسا سۈلھى تۈز، سۈلھى تۈزۈش مۇمكىن بولمىغاندا، ساۋۇت كېسىپ ئۇرۇشقا ئاتلان. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىمكانقەدەر دۈشمەننى غەپلەتتە قويۇپ، كېچىسى ئۇيقۇدىكى ۋاقتىدا ئۈستۈمتۈت تېگىش قىل. كېچىدە قوشۇننىڭ ئاز-كۆپلۈكى چانمايدۇ. ئەگەر بۇ تەدبىر بىلەنمۇ نۇسرەت قازىنىشقا چامىڭ يەتمىسە، سۈلھى تۈزۈپ ئەپ

ئۆتۈش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەت. «سۆزۈڭ بىلەن ئەل بولۇپ دۈشمەننى بىخۇتلاشتۇر. ئۆزۈڭ بولساڭ ھوشيار تۇر، ئۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمە. ئەگەر بۇ تىرىشچانلىقىڭ كار قىلماي، دۈشمەن سۈلھىگە كۆنمەي كۆرەڭلەپ كەتسە، ۋاقىتنى سوزماي دەرھال قوشۇنۇڭنى توپلاپ ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئۆت. ئەسكەرلىرىڭگە پۇل-مالنى ئايىماي ئۈلەشتۈر. ماختاپ ئۇرۇشقا ئاتلاندۇر، لېكىن ئۇرۇش ئۆزۈنغا سوزۇلۇپ كەتمىسۇن. كۆپنى كۆرگەننىڭ كۆزى ئېچىلۇر، دېگەندەك دۈشمەن ھوشىنى يىغىۋالغۇچە. بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگەن غالىب ئەرلەر ئېيتقانكى: دۈشمەن بىلەن تېخى يۈزمۇيۈز ئۇچراشمىغاندا يىراقتىكى دەبدەبىسى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

ياۋغا تېگىش قىلغاندا ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىڭنى تارتتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇرۇشقا يېقىنراق كىر. ئۇرۇشنى سوزماي تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ چارىسىنى قىل. ئۇرۇش سوزۇلۇپ كەتسە يېڭىلىپ قالىسەن. چېرىكلىرىڭدىن بىر قىسمىنى پېستىرمىدا قوي، پىيادە ئوقچىلارنى باشلاپ ئالدىدا يۆگۆر. چېرىكلەرنى باشلاپ ئالدىدا مېڭىشقا ياشتا چوك، جەسۇر كۆرەڭچىلەرنى قوي. ئۆزىنى توختاتقان مۇيسىپىت كىشىلەر جەڭنى بىلىدۇ، ياراملىق بولىدۇ. ياشتا كىچىك يىگىتلەر قىزىققان بولىدۇ، ئەگەر يۈز ئۇرۇسا ئوتى تېزلا ئۆچىدۇ. جەڭ پەيتىدە ئالدى-ئارقىغا ئىشەنچلىك كىشىلەرنى قوي، يەنە بىر قىسمىنى ئوڭ قانات، سول قانات قىلىپ ئورۇنلاشتۇر. چېرىكلەر دۈشمەنگە ئۆدۈلمۇئۆدۈل كەلگەندە نەيرە تارتىپ ئۆچىرىغىننى تۇتسۇن. ئالدى بىلەن يىراقتا تۇرۇپ ئوق بىلەن زەربە بېرىپ، يېقىنلاشقاندا نەيزە تىقىپ بويسۇندۇرسۇن. كىرىشىپ كەتكەندە قىلىچ-پالتا ئىشلەت، ھەتتا چىشەك بىلەن چىشلە، تىرنىقىڭ بىلەن تاتىلا، ياقىسىدىن ئېلىپ جان-جەھلىڭ بىلەن ئېلىشقىن. جەڭ دېگەندە يا ئېلىشىپ ياۋنى يوقاتقۇلۇق، يا جەڭدە ئۆلگۈلۈك. قاتتىق

134

تەركەشكەنكى، ھەرگىز دۈشمەنگە ئارقا تەرىپىڭنى تۇتۇپ بەرمە. جەسۇرلۇق بىلەن ئېلىشقان بىر باتۇر ئەر: چىداملىق بول، چىدىغان ئەر دۈشمەننى يەر چىشلەتەلەيدۇ. بىلگىنكى، قىزنىڭ سۆيۈنچى توي بولغان بولسا، باھادىر ئوغلاننىڭ ئىپتىخارى جەڭدە ئۆتكەن كۈنلىرىدۇر، دېگەن. جەسۇر ئەر ئات سېلىپ خۇددى لاچىن قوشنى قوغلانغاندەك دۈشمەننى سۈر-توقاي قىلىپ قېنىنى تۆكىدۇ، دۈشمەننى كۆرۈش بىلەن باشقىلارغا نۆۋەت بەرمەي چاق توزۇتۇپ دۈشمەن سېپىنى سۆكىدۇ، ئارسلان كەبى ئات قويىنتىپ ياۋنى قىرىدۇ ياكى ئۆزى ئۆلىدۇ. باتۇر ئەر ياۋنى كۆرگەندە يۈزىدە قان ئوقۇيدۇ، ئېلىشقاندا توپى ئۆز قانغا مىلىنىدۇ. ئات، ئېگەر-جابدۇقلار، ساۋۇتلار قىزىل تۈسكە كىرىدۇ، قان ئېقىپ تۇرغان قىپقىزىل مەڭزى كۆكىرىپ كېتىدۇ.

ياۋ ئات سېلىپ ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كەلگەندە بولسا بەردائىشلىق بېرىپ ھەرگىز چېكىنمە، تىرىشىپ دۈشمىنىڭنى چېكىندۈر. ياۋ قوزغالسا، سەنمۇ قوزغالغىن، قاراپ تۇرماي تەييارلىنىپ دەرھال ئىزىغا چۈش. مۇبادا ياۋ سەن بىلەن قارشىلاشماي قاچماقچى بولسا، قوغلاپ بېرىپ ئەسىر تۇت. ئەسىر تۇتمىساڭ قوشۇنۇڭنىڭ سېپى قالايمىقانلاشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۈشمەن قايتىدىن ھۇجۇم قىلسا مەغلۇپ بولىسەن. دۈشمەن قاچقاندا ئۇزاق يەرگىچە قوغلانماي ئۆزۈڭنى بېسىۋال. مۇبادا ياۋ توساتتىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ھۇجۇمغا ئۆتسە، چېكىنىش يولۇڭ بولمايدۇ. بىلگىنكى، ئۈمىدسىزلەنگەن دۈشمەن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدۇ. جېنىنى تىكىپ ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلغانغا كىممۇ تەڭ تۇرالسۇن. ئەي ئوغلان، بۇنداق چاغدا ئۆزۈڭنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىل، بولمىسا ئۆزۈڭدىن ئاز كېچ. كۆرمەمسەن، ئادەم بىخوتلاشقاندا تېز كېتىپ بېرىپمۇ ئۆلىدۇ. سەگەك ئادەملا مەقسەتكە يېتىدۇ. تەجرىبىلىك بىر ئەر ماڭا: دۈشمەن قاچسا

ئارقىدىن قوغلىماي توختاپ قال، ئۇزاق قوغلاپ بارغۇچي تويغۇچە قامچا يەيدۇ، دېگەن. سۇ بىلەن ئۆچۈرۈلگەن ئوت قايتا يانمىغانغا ئوخشاش، بىر قېتىم تېنىپ كەتكەن دۈشمەن قايتا ئۆزىنى ئوڭشىيالمايدۇ. ئادەمنىڭ ئۆمىدى ئۆزۈلگەندە ئۆلۈمنى تاللايدۇ. ئۆلۈمگە تۇرغان كىشى ئاۋۋال ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ئۆزى ئۆلىدۇ. كىم تۆھپە ياراتسا دەرھال ئونى تارتۇقلا، مال بىلەن كۆڭلىنى ئال، ئەسەر تۇتقانلارنى ماختا، ئىنام بەر. بۇ ئىنام ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولىدۇ. يامانلارمۇ ماختالسا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ-يۇ، ياخشىلار ماختالسا ئۆچمەي قالامدۇ؟ ئاتنى ماختىسا چىپىپ ئوچار قاناتلارغا يېتىدۇ، باتور ئەرنى ماختىسا قول بىلەنمۇ ئارسلان تۇتىدۇ.

قوشۇنۇڭدا يارلانغانلار بولسا ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ داۋالات، ئەسەر چۈشكەنلەر بولسا قايتۇرۇپ كېلىپ قۇتۇلدۇر. ئەگەر ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەر بولسا، ئۇنىڭ قەدر-قىممىتىنى قىل، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يەتكۈزۈپ بەر. ئەسكەرلىرىڭ مۇنداق قەدر-قىممەتنى كۆرۈپ سۆيۈنۈدۇ. جەڭ پېيتىدە سۆيۈملۈك جېنىنى ساڭا سۇنۇدۇ. شېرىن سۆزلۈك، خوش چىراي بولۇش، مال تارتۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىش سۇ باشلار ئەر ئۈچۈن ياخشى ئادەت بولسۇن. ئەركىن، ھۆر كىشىلەرمۇ بۇنداق ئىلتپاتتىن خۇرسەن بولۇپ، ساڭا قول بولۇشقا تەييار تۇرىدۇ. سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن شېرىن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. بۇرۇنقىلار ئېيتقان مۇنۇ سۆزنى ئاڭلىساڭ قايىل بولىسەن. ئۇلار دەيدۇكى: قولنى ئالتۇن-كۈمۈش خەجلەپ سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. خوش چىراي، شېرىن سۆز، مال-تاۋاردىن ئىبارەت ئۈچ ئەڭگۈشتەر سەندە بولسا، ھۆر ۋە قول ھەممىسى قۇللۇق تەلەپ قىلىپ، ئالدىڭغا باش قويىدۇ.

ئالىملىرى، مانا شۇنداق سۈپەتلىرى ھازىر بولغان سۇ باشلار ئەر قوشۇنۇڭغا قوماندانلىق قىلسا، زەپەر دەۋازىسى ساڭا داغدام

136

ئېچىلغاي. سەن ئالتۇن-كۈمۈش، مال-تاۋارلىرىڭنى ئايىماي تۆلەشتۈر، ساپ ئالتۇنلىرىڭنىڭ بەدىلىگە جېنىنى پىدا قىلىدىغان باھادىرلارغا ئېرىشىسەن. بۇ ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلىيالايدىغان ئەر بارلىق ئىشلارغا پۇختا ئاساس سالالايدۇ. شۇنداق سۆ باشلار ئەرگە ئېرىشكەن ئېلىگ مۇراد-مەقسىتىم ھەل بولدى، ئىشلىرىم تۈگۈل ئىزىغا چۈشتى، دەپ ئىشەنسە بولىدۇ.


ئۆگدۈلمىش سۆ باشلار ئەر ھەققىدە سۆزلەپ جەڭگاھتىكى باھادىرنىڭ سىيماسىنى قەلەم بىلەن سۈرەتلەپ روشەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز تىلىكىنى مۇنداق بايان قىلدى:

— ئەي ئاللا بەخت ئاتا قىلغان ئېلىگ، ياراملىق ئۆزەر تەلەپ قىلساق يوقىرىقىدەك سۈپەتكە ئىگە بولسۇن. سەرخىل قوماندان ئارزۇسىدا بولساق، بۇنداق خىسلەتكە باي بولسۇن، ئاندىن مۇراد-مەقسىتىڭ ھاسىل بولغاي. ئەلەمدار سۆ باشلار ئەر بىلەن قەلەمدار بولغان ۋەزىرلىرىڭ ئىشى بۈيۈك ھەم ئۇلۇغ ئىشلاردۇر. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدا قەلەم، يەنە بىرىنىڭ قولىدا ئەلەم. ئەلنىڭ تىزگىنى مانا بۇ ئىككىلەمنىڭ قولىدا، بۇ ئىككى ئۇلۇغ زات بىرىكسە، ئۇلارنىڭ ئىشىنى كىم بۇزۇۋېتىشكە قادىر بولالىسۇن؟! شۇڭا، بۇ ئىككى كۆزنى تولىمۇ خىللانغان ئەركەكلەردىن تاللاش كېرەككى، مۇبادا ئەگەر نامۇناسىپ كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قېلىش بىلەن بەگكە مۇخالىپەتلىك قىلسا، ئۇلارنىڭمۇ بېشى كېتىدۇ، بەگمو خېيىم-خەتەردىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇلار ساخاۋەتلىك بولسا، ئەل-يۇرتقا سائادەت كەلتۈرىدۇ، بەگكە بويۇن تولغىسا، ئەل-يۇرتقا كۆتۈرگۈسىز بالاكەت كەلتۈرىدۇ. ئەلنىڭ بېگى كىشىلەرنىڭ سەرخىلى ۋە

ياخشىسى بولسا، ئەلەمدار بەگ بىلەن قەلەمدار بەگمو خەلقنىڭ ياخشىلىرىدىن تاللانسا، شۇندىلا ئەل ياخشى باشچىغا ئىگە بولۇپ، مەنىپەئەت نۇرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنداق مەنىپەئەت بىلەن بەگمو بەختىيارلىق مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ. ئەل باشقۇرغان دانىشمەنلەر شۇڭا: ئەلنى تەسەررۇپ① قىلغۇچى قىلىچقا تاياندى، ئەلنى باشقۇرغۇچىلار قەلەمگە تاياندى. قىلىچ بىلەن ئەلنى ئالماق ئوڭاي، قەلەم بولمىسا ئۇنى قولدا تۇتۇپ تۇرماق ئاسان ئەمەس، دېيىشكەن. دانىشمەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاش-تاماقتىن ئەزىز بىلىپ ئوزۇق قىلغۇلۇق. دەھەقىقەت، ھەر قانداق بىر ئەلنى قىلىچقا تايىنىپ زورلۇق بىلەن ئالغىلى بولسىمۇ، زورلۇق ۋاستىسى بىلەن ئوزۇن ۋاقىت سورىغىلى بولمايدۇ. قايسى شەھەر، ئولۇس قەلەمگە تايىنىپ باشقۇرۇلسا، شۇ يەردە ھەر كىم ئۆز نېسىۋىسىدىن قۇرۇق قالمايدۇ. ئالىيلىرى، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىم شۇ ئىدى، سۆزلىشىمنى تەلەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن تېگىشلىك جاۋابىمنى بەردىم.

ئۆگدۈلمىش پاراسەت سۈيى بىلەن سوغۇرۇلغان تىل زۇلپىقارىنى سۈكۈت غىلاپىغا سېلىپ، ئېھتىرام بىلەن ئېلىككە باش قويدى.

— ياخشى سۆزلەپتۇ، نىيەت-مەقسەتلىرىڭنى تىلەك ئەينىكىدىن روشەن كۆردۈم، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ، — ئەي ئاقىل ئوغلۇم، يەنە سەندىن سورايدىغان بىر سۆزۈم بار، ئوبدان ئويلىنىپ جاۋاپ بەرگىن. قانداق ئادەمنى ئۇلۇغ ھاجىپلىق مەرتىۋىسىگە قويماق لازىم؟ ئۇ بەگ بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدىكى كۆۋرۈك بولغان ئىكەن، ھاجىپلاردىن ئۇلۇغراق بولمىقى لازىم. ئۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن بەگكە جىنىنى پەيدا قىلالايدىغان، بېگىنىمۇ، ئۆزىنىمۇ مەمنۇن قىلالايدىغان بولسۇن. خەلقنىڭ تىلى

ئۇنىڭغا ياخشى دۇئا قىلىدىغان بولسۇن.

— قۇللۇق ئالىلىرى، بەخت-سائادەت ئوزۇن زامان ساڭا يار بولغاي، — دەپ يەنە سۆز مەنىلىرىدىن ئۈنچىلەر تۆكۈشكە باشلىدى ئۆگدۈلمىش.

ئاۋازلىق كىتاب
12-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆز باشلار ئەرنىڭ جاسارىتى ۋە ماھارىتىنى بايان قىلغانلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--