تىزىملىك
تىل تاللاش:
2-قىسىم 13-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىلىك بىلەن خەلق ئارىسىغا ھاجىپلىق ئالتۇن كۆۋرۈك سالغانلىقى

Ögdülmishning Ilig Bilen Xelq Arisigha Hajipliq Altun Köwrük Salghanliqi

— ئەي خەلقنىڭ نىجاتكارى بولمىش ئىلىگ، خەلق سېنى دائىم سۆيگەي، — دەپ سۆز باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — ئۇلۇغ ھاجىپ بولمىش كىشى بەگلىرىنىڭ كۆرەر كۆزى، خەلقنىڭ دەيدىغان سۆزىدۇر....

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىلىگ بىلەن خەلق ئارىسىغا ئۇلۇغ ھاجىپلىك پەزىلەت تۆۋرۈكىدىن ئالتۇن كۆۋرۈك سالغانلىقى

— ئەي خەلقنىڭ نىجاتكارى بولمىش ئىلىگ، خەلق سېنى دائىم سۆيگەي، — دەپ سۆز باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — ئۇلۇغ ھاجىپ بولمىش كىشى بەگلىرىنىڭ كۆرەر كۆزى، خەلقنىڭ دەيدىغان سۆزىدۇر. قانۇن-قائىدىلەرنى يۈرۈشتۈرمەك ئىنچىكە خىزمەتتۇر. ئۇنى توغرا يولغا قويۇش بىلەن يوللار راۋانلىشىدۇ، ئىشكلەر داغدام ئېچىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلۇغ خاس ھاجىپنى ئېسىل نەسەبلىك، ئىشەنچلىك، دىنى كامىل، چىن كىشىلەردىن تاللىماق لازىمدۇر. تېگى-تەكتى ياخشى بولسا، ئۆزى ئېسىل بولىدۇ، خەلققە پايدا كۆزلىيىدۇ، خەلقنىڭ يولىنى ئاي بىلەن كۈندەك يورۇتىدۇ، مىجەزى مۇلايىم بولىدۇ. مۇلايىم كىشى سۆزنى دەڭسەپ قىلىدۇ. سۆزنى دەڭسەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ ئىشلىرىمۇ پۇختا، قۇسۇرسىز، سۆزۈك بولىدۇ. ئەل خىزمىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئىنچىكە خىزمەت ھاجىپلىق ئىشىدۇر. بىر ئالىمنىڭ بۇ خۇسۇستا ئېيتقان سۆزى يادىمدا، ئۇ: ھاجىپلىق خىزمىتى تولىمۇ ئۇلۇغ ئىشتۇركى، ئۇنى ئەڭ ياراملىق، پىنتۇك كىشى بولمىسا بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، دېگەن. ئۇلۇغ ھاجىپ چوڭ-كىچىك ھال-ئەھۋال ئېيتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، خەزىنچى، پوتوكچى، ئىش باشلىرى كىيىم تىككۈچى، موزىدۇز ۋە باشقا كاسپ-ھۈنەرۋەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. يات ئەلنىڭ

ئەلچىلەرنىڭ كېلىپ كېتىشىگە، ئۇلارنى تېگىشلىك ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، ئەلچىلەرنىڭ قونالغۇسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا، ئات-ئۇلاغلىرىنىڭ بوغۇز-يېمىگە كۆز-قۇلاق بولىدۇ. كىمگە سوۋغا بېرىش، كىمگە بېرىلمەسلىك كېرىكلىكى ھاجىپ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ چەت ئەلدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يول ئېغىزىغا چىققانلارغا باشچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇن-قائىدىلەردىن يېڭىلىشماسلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ. يەنە كەمبەغەل، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار ئەرز-ھال ئېيتىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ دەرد-ھەسرىتىگە ياخشى قۇلاق سېلىپ، ئۇنى بەگكە تولۇقى بىلەن مەلۇم قىلىشى كېرەك. زۇلۇم تارتىپ ئادالەت تەلەپ قىلغۇچىلارنى ياخشى قارشى ئېلىشى، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ قويۇشى لازىم. ئوردا ئىچى ۋە ئوردا سىرتىدا يارامسىزلىقلارنى بايقسا دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، تەنبىھ بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەم ئونداق يارامسىزلىقلارنى تازىلايدۇ. شۇنچە كۆپ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلۇغ ھاجىپ قول تىقىشى لازىم. بۇ ئىشلارنىڭ جايىدا بېجىرىلىشى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ ياردىمىگە باغلىق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار جايىدا قىلىنماي قالغۇدەك بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇلۇغ ھاجىپتا بولىدۇ.

شۇنداق ئىكەن، ئۇلۇغ ھاجىپ بولمىش كىشىدە مۇنداق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ جەم بولماقى لازىمدۇر: ئۇ ئۆتكۈر كۆز، سەگەك قۇلاق، كەڭ قورساق، كۆركەم ھۆسن-چىراي، قەددى-قامەتلىك، گۈزەل-پاساھەتلىك تىللىق، ئەقىل-ئىدرىكى يورۇغان، بىلىم-پاراسىتى چوققۇر، خوش پېئىللىق بولماقى شەرت.

ھاجىپنىڭ ئىشى تولىمۇ زېرەكلىكنى، كۆز-قارنى توق، ھايالىق بولۇشنى، ھەر خىل بىلىمدە كامالەت تېپىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆزى توق كىشى مال-دۇنياغا ئۆزىنى بولغىمايدۇ، پارىغا نەزەر-كۆزىنى سالمايدۇ. بىلىش كېرەككى، ھاجىپ پارىخور بولسا

تولىمۇ كۆلكىلىك بولىدۇ. پارا دېگەن ئوڭۇشلۇق ئىشنى بۇزىدۇ، پىشقان ئاشنى خام قىلىدۇ. بىلىملىك ئەر ئىشتا يېڭىلمەيدۇ، ھوشيار ئادەم مال-دۇنياغا ئىلىنمايدۇ. ۋىجدانلىق، خۇش پېئىل، مىجەزى ئوچۇق ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە سۆزلىرىدىن ياخشىلىق كېلىدۇ. ۋىجدانلىق، ھايالىق كىشى ئەسكى ئىشلاردىن يىراق، يارىماسلىاردىن يىراق، قوپاللىقتىن خالى بولىدۇ. خۇش پېئىل ئەرگە دۆلەت يارىشىدۇ، بەخت كۆز ئاچىدۇ. شۇڭا بىلىملىكلەر بىلىپ: بىلىملىكلەر ئۆز قىممىتىگە يارىشا رىزقىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ ئېيتقان. چۈنكى، بەگلىكنىڭ ئىشىنى قىلىش بىلىملىكلەرنىڭ ئىشى، ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدىغىنى بىلىمسىز كىشى. بىلىمدىن ئۈلۈش ئالمىغان كىشى، تىرىكلەر ئارىسىدىكى ئۆلۈكلەر ئوخشىشى. بىلىملىك ئىنساننىڭ ئورنى كۆكتىكى ئايغا ئوخشاش قىممەتلىك، بىلىمسىز ئىنسان قۇرۇق بوياق بىلەن بويالغان بۇتقا ئوخشاش لەنەتلىك. شان-شۆھرەت ۋە يۈكسەكلىك بىلىمنىڭ ساخاۋىتىدىن، ھەر قانداق پەسلىك ۋە نۇقسان بىلىمسىزلىكنىڭ كاساپىتىدىندۇر. ھاجىپ ئۆز ئىشىغا جىلۋە بېرىش ئۈچۈن ئەقىلنى يولباشچى، ھوشيارلىقنى قورال قىلىشى لازىمدۇر. ئەقىل شۇنداق پايدىلىقكى، بارلىق ياخشىلىق ئەقىل دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن ۋۇجۇدقا چىققان. ئەقىلسىز كىشى مېۋىسىز دەرەختۇركى، مېۋىسىز دەرەختىن ئاچ ئادەمگە نېمە پايدا كەلسۇن. ياخشى نام-ئاتاقمۇ ئەقىللىققا تائەللۇق، ھەر ئىككى دۇنيا نېمەتلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئوچۇق. ئەقىللىق كىشى ئادەملەرنىڭ ئادىمى، خەلقنىڭ ئالدىدۇر.

ئۇلۇغ ھاجىپ دائىم خەلق ھەم مېھمانلار بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ ئىش بېجىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھۆسن-چىرايى كۆركەم، چاچ-ساقىلى يارىشىملىق، ئاۋازى ئەرگە خاس جاراڭلىق ۋە ئوچۇق بولۇشى لازىم. چاچ-ساقىلى ياسالغان مەردانە كىشى سالاپەتلىك بولىدۇ. مۇنداق سالاپەت بىلەن كىشى

142

ھۆرمەتلىك بولىدۇ. بۇنداق چىرايلىق قەددى-قامەت كىشىلەرنى سۆيۈندۈرسە، ئەرلەرگە خاس مەردانىلىقى ئوردىغا يارىشىدۇ. كۆركەملىك كۆڭۈلنى ئاچىدۇ، جاننى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. شۇڭا بىلىملىكلەر: «چىرايلىق ھۆسۈن-چىرايغا ئىگە بولۇش كىشى ئۈچۈن نېمىدىگەن ياخشى، گۈزەل ھۆسۈن-جامالدىن ئىككى كۆز سۆيۈنىدۇ. قويۇق چاچ گۈزەل، باقماقنى ئامەت دەپ بىل، ئىشلىرىمنىڭ ئۆڭى باقتى دەپ ھېس قىل» دېگەن.

ھاجىپ تەقۋادار، پاك، دىندار بولمىقى لازىم. تەبىئىتى پاك بولسا ئىش-ھەرىكىتىمۇ ساپ بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق ئىشىنى ئېرىنمەي قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ قايغۇسى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ. ھاجىپ ئىشتا كۆڭۈللۈك ھەم ئەقىل-ئىدراكلىق، مىجەزى تەسكىن بولسا تېخىمۇ ياخشى. ئىشقا كۆڭۈللۈك كىشى سۆزىنى ئۇنتۇمايدۇ، كۆڭۈلسىز كىشى سۆزىدە تۇرالمايدۇ. ئادەمدە كۆڭۈل بولمىسا دوستىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. ئەقلى بولمىغان ئەرنىڭ ئىشى روناق تاپالمايدۇ. كۆڭۈل بولمىغان ئىنسان ئىچى قورۇق ھەيكەلدۇركى، ئىنسان بارلىق ئىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلغاندىلا ئۇتۇقلۇق ئادا قىلالايدۇ.

ھاجىپ پېقىر-مىسكىنلەرگە، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا كۆيۈمچان، مۇلايىم بولسۇن. كىشىلەرگە ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ مۇئامىلە قىلسۇن. زېرەك بولسۇن ھەم قانۇن-قائىدىلەرنى تولۇق بىلسۇن. زېرەكلىك — دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتى. ئۇ ھەممە كىشىگە كۆڭلىنى كىچىك تۇتۇپ، تىلى يۇمشاق ۋە شەكىردەك شېرىن بولسۇن. كىشىلەرگە ئوچۇق چىراي بىلەن كۈلۈپ باقسۇن، خوش پېئىل بولۇش بىلەن ئادەمەتچىلىكنى ساقلىسۇن. كەمتەرلىكتە بەخت تاپقان بىر ئەركەك شۇنداق دېگەن: ھەي بەختسىزلىككە چۈشكۈچى، بەختكە ئېرىشىمەن دېمەكچى بولساڭ، كۆڭلۈڭنى، تىلىڭنى كەمتەر تۇت. تەبرىكلەر خوش چىراي بىلەن شېرىن سۆزگە ئەسىردۇر. شۇنداق، ئادەم خوش چىراي، شېرىن سۆزدىن

ئېرىيدۇ، دىلى ئېرىگەن ئادەم ئەسىر بولماي قالامدۇ؟! ھاجىپ ئۆزىنى تۇتۇشقا ماھىر، سەۋرگە قادىر بولسۇن، كۆزگە ھېزى بولۇپ، تىلىنى ئوبدان كۆزەتسۈن، قولىقى سەگەك، ئەقىل ۋە بىلىمدە يېتىلگەن، بارلىق ھۈنەر-پەزىلەتنى تولۇق ئىگىلىگەن، ھەر قانداق پۈتۈكنى پۈتەلەيدىغان، بىلىمى ھەممە ئىشقا يېتەلەيدىغان بولسۇن. شۇنداق بىلىم ۋە پەزىلەتلىرى بىلەن خاس ھاجىپ يۈزىنى يورۇق قىلسۇن.

ئەي ئەللىگ، ھاجىپ ئىنتايىن تىرىشچانلىق بىلەن مۇنداق بىر قانچە يەردە ئۆزىنى بەك ساقلىمىقى شەرت. بىرى، بەگنىڭ سۆزىگە قاتتىق ئەمەل قىلمىقى، ئىككىنچىدىن، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەقىلدىن يۆگەن سالمىقى، ئۈچىنچى، قوبۇل ۋاقتىدا ئۆزىنى ئوبدان كۆزىتىپ، ئورۇنسىز سۆزلەپ قويۇشتىن ساقلانمىقى لازىم. ئو ھەر قانداق ئىشنى پارا ئالماي پاكلىق بىلەن بېجىرىپ، يىراقلارنىمۇ بەگكە يېقىنلاشتۇرسۇن. كىمدە مۇنۇ ئىككى ئىللەت بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىش تاپشۇرۇلمىغۇلۇق ۋە ئۇنىڭ قولىنى ئوزارتمىغۇلۇق ھەممە ئۆزىگە ھەرگىز يېقىن يولاتمىغۇلۇق: بىرى، ئۇنىڭ سۆزىدە يالغانچىلىق بولسا، يەنە بىرى، قىپقىزىل يول تۇتۇپ، ئۆزىنى ھەر كويغا سالغان بولسا. خادىملار ئۆزىنى ئوبدان كۆزەتمىسە ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىدىغان مۇنداق ئۈچ ئىش بار: بىرىنچى، ئاڭلىغان سۆزلەرنى كۆڭۈلدە پىنھان تۇتسۇن. ئىككىنچى، بەگنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى كۆرۈپ قالسا، كۆزنى چىڭ يۇمسۇن. ئۈچىنچى، ئۆزىنى تۇتۇپ، توغرا يۈرۈپ، كۆڭۈلنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزسۈن. بىلىملىك بىر دانا شۇنداق ئاگاھلاندۇرغانكى: بېشىم ئامان بولسۇن دېسەڭ بەگنىڭ سىرنى تىلىڭدىن چىقارما، بەگنىڭ سىرنى ئاچساڭ ئەلىنىڭ جىنايەتكارى بولۇپ پىشىڭنى يەيسەن. بۇ سۆزگە ئەمەل قىلساڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىسەن. دەرەەقىقەت، ئەلگە گۇناھ قىلسا باش كېتىدۇ، سۆزدە يېڭىلىمىسا چىش سۈنىدۇ.

ئە لگە ئاسىلىق قىلىپ بېشى كېسىلگە ن نالايىق كىشىلەرنى كوپ كورگە نمە ن. كوپ سوزلە شنڭ كاساپىتىدىن كوڭول سىرى ئاشكارىلىنىپ، لېۋىنى چىشلەپ يار! قىلغانلارنىك ئىشنى تولا ئاڭلىغانمە ن. ئالىملارنىك: ئوزىنى توتالىمىغان ئە ر بېشىنى يەيدۇ، دېگىنى بىكار ئە مە س. شوكا ھاجىپ ئوزىگە تولىمۇ ئاگاھ بولۇشى، قوبۇل ۋاقتىدا كوزگە، ئوتونوش قىلغاندا سوزگە ھېزى بولىمىقى لازىم. ئۇ چاقىر تماستىن ئاۋال بە گنىك ئالدىغا كىرمە سلىكى، سورالماستىن ئاۋال ئوتونوش قىلماسلىقى لازىم. ئە قىللىق كىشىلەر مە نىلەر يولىنى ئېچىپ ئېيتقانكى: شاھلارغا پېتنى تېپىپ يوزوگنى كورسەت، نېمىنى سورىسا سوزمۇسوز شونىگغىلا جاۋاپ بەر. ەەر قانداق ئىشنىك بەلگىلىك ۋاقتى-قەرەلى بولىدۇ، پەيتي كەلگەندە ئىككى كوزدىن قېچىپ قوتولالمايدۇ.

ئالىملىرى، ھاجىپنىك پەزىلىتى ۋە بىلىمى ئە نە شۇنداق بولسا، ئاندىن ئۇ ھاجىپلىق ئىشىغا قول ئوزاتسا بولىدۇ. ھاجىپلىق ھەققيدە بىلدىغانلىرىم شولار ئىدى، سورالغانلىقى ئوچون تىلە كلىرىمنى قويدۇم.

كوتتۇغدى ئېلىگ توگدۇلمىشنىك دولە تنىك موھىم توۋروكى دەپ قارالغان ۋەزىر-ۋوزۇرالار، ئە لە مدار ۋە قەلەمدار بەگلەر ھەققىدىكى تەلە پ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلاپ، ئونىكدىن پەخىرلەندى. ئە مدى كوتتۇغدى ئېلىگدە دولەتنىك ئامانلىقى، بەگنىك بىخەتەرلىكى ۋە ئەلنىك تىنچ-خاتىرجەملىكىنىك كاپالىتى بولغان ئوردىدىكى باشقا موھىم ئە مە لدارلار ھەققىدىمۇ سوئال سوراش ئىستىكى قوزغالدى.

— يۇقىرىقى ھېكمەت تامغان، ئىبىرەت يوشۇرۇنغان سوزلەرىڭنى تولۇق ئوقۇتۇم، — دېدى ئېلىگ، — ئەمدى يەنە بىر قانچە موھىم ئوردا بەگلىرى ھەققيدە بايانلىرىڭنى ئاڭلىماقچىمەن.

توگدۇلمىش رازىمەنلىك بىلەن زېھنىنى يىغىپ، جاۋابىغا ھازىر بولدى.

ئاۋازلىق كىتاب
13-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىلىك بىلەن خەلق ئارىسىغا ھاجىپلىق ئالتۇن كۆۋرۈك سالغانلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--