تۆگدۆلمىشنىڭ ئىلىگنىڭ سوئال ئىلمىكلـرىگە ئەلىنىڭ ئامانلىقى، ئىلىگنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن بەختلىك قوچغۇرىقى ئاسقانلىقى
— ئىشىك ئاغىسى قانداق ئادەمدىن تاللانغاندا بەگنىك ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ — دەپ سوئالىنى داۋاملاشتۇردى كۈنتۇغدى ئىلىگ.
— ئالىيلىرى، ئامانلىق ۋە بەختلىك ساڭا ھەر قاچان ھەمراھ بولسۇن، — دەپ جاۋاب بېرىشكە باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — ئىشىك ئاغىسى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى، قاراڭغۇ تۈننى ئىشىكىدە يورۇتۇشى، يورۇق كۈنىمۇ بوسۇغىدا پاتۇرۇشى لازىم. ساراينىڭ كۆركى، بەگنىڭ نامىنى يۈكسەلدۈرگۈچى، بەختكە يول ئاچقۇچى — ئەركىن يول تۇتقۇچى ھاجىپ بىلەن ياراملىق ئىشىك ئاغىسىدۇر. بۇ ئىككىسى بىلەن ئوردا روناق تاپىدۇ، بەگنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە شان-شۆھرىتى جاھانغا يېيىلىدۇ.
ئىشىك ئاغىسى قانۇن-قائىدىلەرنى، ئىشىك باشقۇرۇش مىزانلىرىنى ئوبدان بىلىشى، مىجەز-خۇلقىنى مۇلايىم قىلىشى، سېخىي بولۇپ نان-تۇزىنى كەڭرى تۇتۇشى، ئالتۇن-كۆمۈش بىلەن قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىنى جەلپ قىلىشى لازىم. ئۇ ئۆزى يېتىشتىن بۇرۇن كېچىلىك قاراۋۇللۇق ئىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئورنى
146
ۋە ۋاقىتنى ئېنىق كۆرسىتىپ مەسئۇل قىلىشى كېرەك. يېڭى ئىشقا كىرگەن ناتونۇش خادىملارنى ياخشى سورۇشتۇرۇپ كۆرۈپ، زېرەك، ھوشيارلىرىنى ئىشقا سالسۇن. ئوردادا ئىشكىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ياخشى بېكىتكىنىدە، شۇ بىر كۈننىڭ ئىشلىرى ياخشى تاماملانغان بولىدۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا سەھەر تۇرۇپ ئىشلىرىنى باشلىۋېتىشى، كېچە-كۈندۈز قارارۇللارنى قىلچە تەۋرەتمەسلىكى لازىم.
قوبۇل ۋاقتىدا ئوردىدا خادىملارنى دەرىجە بويىچە تىزىپ ئۆزى باشلاپ كىرىپ بەگكە كۆرۈنۈش قىلدۇرۇشى لازىم. كۆرۈنۈش قىلىپلا كۆپ تۇرماي قايتىپ چىقىشى، ھەتتا شۇ پۇرسەتتىمۇ ئورنىغا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كىرىشى، ئىشكىنى خالى قويماسلىقى لازىم. ئوردىنىڭ ئەلەمدار، قەلەمدار بەگلىرى دەرىجە بويىچە كۆرۈنۈش قىلغاندا ئۇلارنىڭ يارامسىزلىقى ۋە ياراملىقلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم. بىر قېتىملىق قوبۇل تۈگىگەندە، گەپ-سۆزى بارلاردىن يەنە باشقىلىرىنى ئۆزى ئېلىپ كىرسۇن، كىمنىڭ بەگكە يەتكۈزىدىغان ھال-ئەھۋالى بولۇپ، بەگكە مەلۇم قىلىشنى ئۆتۈنۈپ ئىلتىماس قىلسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى بەجا كەلتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ھاجىتى ئالتۇن-كۆمۈشتە بولسا ئېلىپ بېرىشى، ئەمەل-مەنەپ تەلەپ قىلغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ياراملىق-يارامسىزلىرىنى، قابىلىيەتلىك ۋە قابىلىيەتسىزلىرىنى ياخشى پەرقلىندۇرۇپ، ھەقىقى ئەھۋالنى بەگكە مەلۇم قىلىشى، بەگنىڭ مۇۋاپىق ئورۇن بەلگىلىشىگە يول ئېچىپ بېرىشى كېرەك. بەگنىڭ يارلىقىنى جايىدا يەتكۈزۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى كېرەك.
ئوردىدا ھەر تۈرلۈك ئىش بىلەن كىرگەنلەرنىڭ ئوچۇقچىلىقتا قالماسلىقى ئۈچۈن، سارايدا ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان جايىنى ياخشى ھازىرلىسۇن، چەت ئەللەردىن كەلگەن يات مېھمانلارنى ئوبدان قارشى ئېلىپ، دوستلۇقنى يىراق-يېقىنغا تارتىشى كېرەك.
147
ئاش-تائام تارتىلغاندا، ئوبدان كۈزىتىپ، مۇناسىپ بولمىغانلىرى سېزىلسە چېكىلىشى، شەرنە تارتىلغاندا يول بويى بىرەر سوغ قول تېگىپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك، بەگنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكەن تائاملار بەگ ھوزۇرىدىن قايتىپ چىققاندا، بۇ تائاملارنى قانداق ئۆلەشتۈرۈشنى ياخشى مۆلچەرلەپ، ئىچكىرى ۋە تاشقىرىدىكىلەرنىڭ بىرەرسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشى كېرەك. بەگنىڭ شۆھرىتىنى ئىككى نەرسە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بىرى، دەۋرادىكى تۆغى، يەنە بىرى، توردىكى داستىخىنى.
ئىشىك ئاغىسى ئاش بېشى، ساقى، تۈشەكچى ۋە توغچىلارغا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئىشىك ئاغىسى ئۆيىگە قايتىش ۋاقتىدا، ياردەمچىلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىللىتىشى زۆرۈر. يېگۈزۈپ، ئىچكۈزۈپ ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشى، قولىدا بېرىنى ئۇلارغا بېرىپ قۇرۇق قول قايتۇرماسلىققا تىرىشىشى لازىم. ئۆزىگە بىر ئات، بىر قۇر تون بولسىلا قانائەت قىلسۇن، قالغىنىنى ئايىماي ئولتۇرماي ئۆلەشتۈرسۇن، يات مۇساپىرلار يېگىدىن ئىشقا كەلگەن بولسا، ئۇلارنى ئوبدان قارشى ئېلىپ، تۇرالغۇسىنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرسۇن، ئۇ خادىم بەگكە كۆرۈنۈش قىلغۇچە ئۇنىڭ تاماق ۋە ياتىقى، تون ۋە ئېتىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشى لازىم، خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇشى، ئاچ-توقلۇقى، كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ يېڭى-كونىلىقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. خادىملارنىڭ بىرەرسى مۇھتاجلىقتا قولى قىسقا بولۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەققىنى ئادا قىلىشى لازىم. خادىملاردىن بىرەرسى بىر نەچچە كۈن ئىشتا كۆرۈنمىسە، ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ئەھۋالىنى ئىگىلىشى، ئاغرىق-سىلاق تارتىپ قالغان بولسا ھالىنى سورىشى، ساياقلىق قىلغان بولسا تەنبىھ بېرىشى كېرەك. ئۇلارغا كۆيۈنۈش ئەھمىيەتتە
يەنىلا بەگكە بولغان ساداقەت ۋە بەگنىڭ سۆيۈنچى ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقتۇر. بەگەك ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ قەدىر-قىممەت تاپقان بىر كىشى بۇ خۇسۇستا مۇنداق دېگەن: خىزمەتچى بېگىگە ساداقەتمەن بولۇشى، ساداقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشچان ۋە تىرىشچان بولمىقى لازىم. ئىشچان، مېھرىبان، سادىق خىزمەتچىنىڭ خىزمىتى بەگلىكىنىڭ يولىنى كۈندىن-كۈنگە گۈللەندۈرىدۇ، شۇنداق خىزمەتچى ئۆز پايدىسىنى دېمەيدۇ. ساداقەتمەنلىك بىلەن بېگىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ ۋە بېگىگە ياخشىلىق تىلەيدۇ.
شۇڭا، ئازغان پايدىلىق بولسا مەن ئۇنىڭغا قول بولاي، گۈل-چېچەك زىيانلىق بولىدىكەن يىلتىزىنى قىراي. كۆيۈمسىز، ئەسقاتماس ئوغۇلدىن سادىق، كۆيۈمچان ۋە نەپ بەرگۈچى خىزمەتچى ئەۋزەل. قېرىندىشىڭ ئەگەر پايدىسىز، نەپسىز بولسا قوي، پايدىلىق دوست تۇتۇپ دىدارىغا توي.
ئىشىك ئاغىسى تىلى يۇمشاق، سۆزى شېرىن، يۈزى گۈلەر، ئوچۇق چىراي بولسۇنكى، سۈرۈن چىراي، ئاچچىق سۆز ئۆمۈر بويى كۆڭۈلدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ، كىشىنى سوۋۇتىدۇ. بۇنىڭغا تەقلىدىن ئېيتىلغان مۇنۇ بىر شېئىر يادىمغا كېلىپ قالدى:
كىشى سۆز ۋە تىلدا بېرىدۇ ئازار، سۆڭەك ئاغرىتىپ دىلغا بىر ئوت ياقار. ئۇرۇلغان تاياقنىڭ يارىسى پۈتەر، بۇ تىل سۆكسە پۈتمەس، يارىسى تۇرار.
ئەگەر بەگ چەۋگەن① ئويناش، ئوۋ قىلىش ياكى ئەل ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان بولسا، ئىشىك ئاغىسى ئىنتايىن ھوشيارلىق بىلەن مۇھاپىزەتكە ھازىر
① چەۋگەن — ئاتلىق ئوينىلىدىغان توپ ئويۇنى.
بولسۇن. بەگلەر دەل ئاشۇنداق سەپەر ئۈستىدە خەۋپ-خەتەر ۋە پالاكەتكە يولۇقسىمۇ، سەل گۇمانلىقلار بولسا، ھوشيار تۇرۇش، ئىشەنجىسىزلەر بولسا، بەگدىن يىراقلاشتۇرۇش لازىم. ئىشەنچلىك، كۆيۈمچان، ساداقەتمەن كىشىلەر بەگكە يېقىن تۇرۇپ ئىشىنى قوغدىسۇن. قورۇقچى بەگ قورۇقچىلىق قوشۇنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ باش-ئاخىرىنى ياخشى تۈزەپ رەتكە سالسۇن. كىچىك ئەمەلدارلار ئۇلۇغلار ئارىسىغا كىرمەسلىكى، سىرتتىن ئىش بېجىرگۈچىلەر بەگكە يېقىن يولىماسلىقى لازىم. ھەر كىمنىڭ ئۆردىدىكى ئورۇن تەرتىپى قانداق بولسا، سەپەردىمۇ شۇ تەرتىپنى ساقلاش كېرەك.
ئالىيلىرى، ئىشىك ئاغىسىنىڭ پەم-پاراسىتى ۋە ساداقىتى شۇنداق بولسا بەگنىڭ ئىشىنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ، ئىشىنى ھالاللىيالايدۇ. بۇ توغرىدا سورىغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىلگەنلىرىمنى سۆزلىدىم.
— بۇ سۆزلىرىڭنى تولۇق ئۇقتۇم، — دېدى ئېلىگ تۈگدۈلمىشنىڭ ئىشىك ئاغىسى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، — ئەمدى ماڭا لازىملىق بولغان يەنە بىر ئىش توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىن. سەنۇ ئوبدان بىلىسەن، جاھان بەگلىرى ئەلچى بىلەن ئىش پۈتتۈرىدۇ. بەگ ئۆزى گەۋدە بولسا ئەلچى ئۇنىڭ تىلىدۇر. شۇنداق بولغاندا ھەقىقىي ئىشەنچلىك ئەلچىنى قانداق كىشىدىن تاللاش لازىم؟
تۈگدۈلمىش يالۋاچنىڭ① سىيماسىنى تەسەۋۋۇر ئېڭىدا كۆرۈپ، ئېلىگكە ياراملىق يالۋاچنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى:
— ئېلىگ ئالىيلىرى، يالۋاچ بولۇشقا بىلىملىك، ئەقىللىق، جەسۇر، تاغ يۈرەك، بەك سەرخىل ئەر تاللىنىشى كېرەك، —
دەپ سۆز باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — ئاللانىڭ بەندىلىرى ئىچىدىمۇ ئەڭ خىللىرى ۋە ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئاللا ئەۋەتكەن يالاۋاچلار ئەمەسمىدى؟! نۇرغۇن ئىشلار يالاۋاچنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلىنىدۇ. تولا ئوبدان ئىشلار يالاۋاچتىن كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشتا تىلىڭ پاراستىنى ئوبدان ئىشلىتىپ ئىش كۆرۈشۈڭ كېرەك.
يالاۋاچ ئەقىللىق، ئىشتا ئېغىر-بېسىق بولسۇن، گەپ-سۆزنىڭ ئىچكى مەنىلىرىنى بىلەلەيدىغان بىلىمگە ئىگە بولسۇن. ئىشنى ئۇتۇقلۇق ئورۇنلاش ئۈچۈن سۆزنىڭ ئۆلچىمىنى ئۇقماق زۆرۈر. جاھان سوراپ خەلققە باشچىلىق قىلغان بىلىمدار ياخشى ئادەملەر دېگەنىكى: كۆپنىڭ ئىچىدىن تاللانغان باشچى بولىدىغان بولساڭ، ئەقىللىقلارنى، بىلىملىكلەرنى تاللاپ ئەقىلنى چوقى قىل. كىشى قايسى ئىشتا ئەقىلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسا، شۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. دانا كىشى قايسى ئىشقا بىلىم بىلەن يول سالسا، شۇ ئىشتا نەتىجە قازىنىدۇ. ئەقىل بىلەن ئىشقا كىرىشىپ بىلىمنى قورال قىلغان ھەر قانداق ئىش ئۇتۇقلۇق باشقا چىقىدۇ.
يالاۋاچ بولغۇچى ساداقەتمەن، كۆز-قارنى توق، نىيىتى توغرا، ئىشەنچلىك بولمىقى لازىمكى، ساداقەتمەن كىشى بېگىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ. بېگىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ جان كۆيدۈرۈش ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ نىشانىدۇر. نەپلىك، ساداقەتمەن خادىملارنى باغرىم دەپ بىلگۈلۈك. ساداقەتمەن خادىم جان-جىگەردەك، ھەتتا جان-جىگەردىنمۇ يېقىن يۈرەك قېنىدەكتۇر. ئاچ كۆز كىشىلەر يالاۋاچلىققا يارىمايدۇ. ئۇلار ئۆزىگە ھاكىم بولالمايدۇ. كۆزى توق كىشى نامرات بولسىمۇ بايدۇر. ئاچ كۆز ئادەم تەمەخور گادايدۇر. تەمەخور شۇڭا دىۋانە ئاتالغاندۇر. قانائەتچان، چىداملىق كىشى ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغاي. بايلارنىڭ سەردارى سانالغان كۆزى توق
كيشيلە ر دېگە نيکي: كىمنى كۆز ئاچلىقى پېقىر قىلغان بولسا، ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ نېمىتلىرىمۇ باي قىلالمايدۇ. تەمەخورلۇق كىمنى قۇل قىلغان بولسا، ئۆلۈم تۈتمىگىچە بۇ قۇللۇقتىن قوتۇلالمايدۇ. شۇڭا، بىلىم بە رگۈچى ئۇستازلار ئاچ كۆزلە رگە جاۋابەن: ئەي مەرد، شەۋكەتلىك، تولۇق باي بولاي دېسەڭ، كۆڭۈل بايلىقىنى ئىزدگىن. كۆزى توق كىشى قۇل بولسىمۇ ئۇ بەگدۇر، ئاچ كۆز ئادەمنىڭ بەگلىكىدىن قۇللۇق ياخشىدۇر. قايسى بەگ ئاچ كۆز بولسا ئۇ گادايدۇر. قايسى قۇلنىڭ كۆزى توق بولسا ئۇ بەگدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى بايدۇر، دېيىشكەن.
پالاۋاچ نومۇسچان، تەمكىن، خۇش پېئىل، تۈرلۈك بىلىملەرگە كامىل بولسۇن. ئادەمدە نومۇس بولمىسا قوپال، پەس بولىدۇ. ئادەم نومۇس بىلەن دۇرۇس، پاك بولىدۇ. تەمكىن ئادەم ھېلىم① ئاتىلىدۇ. سىلىق ئادەم سۆيۈگۈگە سازاۋەر بولىدۇ. كىشىدە جۈرئەت بىلەن شۇنىڭغا مۇناسىپ بىلىم-قابىلىيەت بولىدىكەن، ھەر قانداق ئىشقا يۈرەكلىك قول ئۇزىتالايدۇ. كونىلار ئېيتقان مۇنۇ سۆزگە قۇلاق سالغىن، بۇنى ئىشلارنى باشلاشنىڭ مىزانى قىل: ھەر ئىشنى ئەقىل بىلەن ئوقۇپ، بىلىم بىلەن بىلگەندە كۆڭلۈڭ قۇتلۇق بولىدۇ، ئىشلىرىڭ يىللاپ ساڭا قوت ئاتايدۇ. جۈرئەتلىك ئەر تىلەككە يېتىدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ئەقىل تاپ، بىلىمگە ئېرىشكەن، ئاندىن باشقا ئىشقا كىرىشكەن.
پالاۋاچ تۈرلۈك پۈتۈكلەرنى زېھىنلىك بىلەن پۈتەلىسۇن. پۈتۈك كىشىنى چېچەنلەشتۈرىدۇ. يازالمىغان، ئوقۇيالمىغان، سۆزنى چۈشىنەلمىگەن ئادەم ئۆزىنى ئالىملىق مەرتىۋىسىگە يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇ يەنە پەزىلەتتە كامىل بولۇشى، كىتابلارنى ئوقۇپ مەنى-مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىلىشى، كۆپلىگەن شېئىرلارنى يادقا بىلىشى ھەم ئۆزى شېئىر يازالىشى لازىم. ئىلمى نۇجۇم②، تىببىي
① ھېلىم — يۇمشاق، سىلىق. ② ئىلمى نۇجۇم — ئاسترونومىيە.
152
ئىلىم ۋە چۆش تەبىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇشى، بۇ توغرىدا ئېيتقان سۆزلىرى، بەرگەن مەنىلىرى دەلمۇدەل كېلىشى لازىم. ئۇ ھېساب ۋە ھەندەسەنى①، ئەدەد جەزرى② ۋە يەر ئۆلچەش ئىلملىرىنى بىلسۇن. دامكا-شاھمات ئويۇنغا ماھىر بولۇپ، رەقىبلىرىنى راسا مات قىلسۇن. ئۇ يەنە چەۋگەن ئويۇنىغا ئۇستا، ئوق ئۈزۈش، قوشچىلىق ۋە ئوۋچىلىقتا دۇنياغا داڭلىق بولسۇن. ئۇ ئېغىز ئاچسا ھەر قانداق تىلدا سۆزلىيەلسۇن، قولىنى مىدىرلاتسا ھەر قانداق يېزىقتا پۈتۈك پۈتەلسۇن. يالئاۋاچنىڭ ئىشى كۆپىنچە سۆز بىلەن بولىدۇ. سۆزگە ماھىر بولسا مەقسىتى ھەل بولىدۇ. سۆزلىرى يۇمشاق، شەكرەدەك، چۈچۈك بولسۇن. چۈچۈك سۆز ئۇلۇغ-كىچىكنى يۇمشىتالايدۇ. ئۇ سۆزىمەن، ھازىر جاۋاب بولسۇن. سورالغان سوئالغا دەل جايىدا جاۋاب بېرىدىغان بولسۇن. ئەلچى بولمىش كىشىنىڭ تىلى ئۆز، سۆزى گۈزەل، كۆڭلى ئوچۇق، ئەقىللىق بولۇشى لازىمدۇر. تىلى ئۆز ئادەم سۆيۈملۈك بولىدۇ، سۆزى گۈزەل ئادەمنىڭ ئىشى ياراملىق بولىدۇ.
يالئاۋاچ زېرەك، دانا ۋە ھوشيار بولىدىكەن، ھەر يەرگە بارسۇن بېگىگە پايدىلىق، ھۆرمەتكە لايىق بولىدۇ. ئەگەر يالئاۋاچ ئەسكى، بوش، نۇراقىسىز بولىدىكەن، شۈبھىسىزكى، بەگنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدۇ. شۇڭا، ئەلچىلىككە بارىدىغان ئادەم بەك ياخشى تاللىنىشى، ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلسە يۈرەكلىك ئىش تۇتالمىشى كېرەك. قارشى تەرەپ قانچىلىك ھۆنەر كۆرسەتسۇن، ئۆز ھۆنەر-قابىلىيىتى بىلەن غالىب كېلىپ، ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. يالئاۋاچتا مانا شۇنداق پەزىلەتلەر تولۇق
بولغاندا، بەگنىڭ نام-شۆھرىتى تېخىمۇ يۈكسىلىپ، ئەل ئارا ئۇلۇغ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بىر كۆك ئايۇقنىڭ① نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سالغۇلۇق، ئۇ: كىمنىڭ پەزىلىتى بولسا نامى يورۇيدۇ. پەزىلەتسىز ئادەم نام-نىشانسىز قەبرەيدۇ. كىشى كىشىدىن پەزىلىتى بىلەن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەزىلىتى زىيادە ئادەم كۈنسىرى تۈرلەپ ئۆسۈدۇ. پەزىلەتلىك ئادەم ئەگەر قولىنى سۇنسا بۈيۈك تاغمۇ بويۇن ئېگىپ، بېشىنى يەرگە قويىدۇ، دېگەن. بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ئادەمنىڭ ئەقلى كۆتە.
يالارۋاچ ئاڭلىغان سۆزىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىشى، دېيىلىدىغان ۋە ئاڭلىغان سۆزىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم. ئۇنىڭ بوي-تۇرىقى، ھۆسۈن-چىرايى كۆركەم، چاچ-ساقىلى، قامىتى يارىشىملىق بولسۇن. ئۇ ھەر جايدا مەرد ۋە بۈيۈك ھىممەتلىك بولسۇن، بۇ ئىككى پەزىلەت بىلەن ھەر قاچان قىممەتلىك بولىدۇ.
يالارۋاچ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، مەي-شاراپتىن يىراق كىشى بولسۇن. ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئەر بەخت تاپىدۇ. مەي دېگەن بىلىملىك ئادەمنى بىلىمسىز، نادان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ-يۇ، بىلىمسىز مەست بولسا نېمىلەرنى قىلمايدۇ؟! ھەقىقەتكى، مەي بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇنىڭ نامى جېدەل-غەۋغادۇر. ھەر قانچە ئەقىللىق، بىلىملىك كىشىلەرمۇ بېشىنى مەيگە تىقسا ئىشى بۇزۇلماي قالمايدۇ. شۇنچە ئۆز قىلىقلىق، ھايالىق، سىلىق كىشىمۇ مەي ئىچسە قىلمىغان قوپاللىقى قالمايدۇ. ئەي ئۆز قىلىقلىق ئادەم، ھايا، ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىمنى نىجس مەيگە تېگىشتۈرگىنىڭگە مىڭ ئەپسۇس. مەي ئىچكۈلۈك ئەمەس، مەي ئىچكەن ئەردىن بەخت-ئامەت قاچىدۇ. مەيخور تەلۋە، ئەخمەق ئاتىلىدۇ. مەي قورساققا كىرسە، ئىچ-سىرنى سىرتقا ھەيدەيدۇ،
ئو قايتىپ يەنىلا ئۆزىنى ئۆرتەيدۇ. بۇ كويغا كىرىپ، بېشىدىن ئۆتكەن ئەرلەر بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى مۇنداق ئاچقان: مەست قىلغۇچى مەينى ئىچىدىكەنسەن، ئۇ سېنىڭ ئىچ-سىرىڭ بىلەن ھەپىلىشىدۇ. بىلىملىك مەي ئىچسە بىلىمسىز بولىدۇ. بىلىمسىز مەي ئىچسە بەتەينى كىچىك بالىغا ئايلىنىدۇ.
ئەي بىلىملىك ئىلىك، يوقىرىقىدەك تەرەپلەرگە دىققەت-نەزىرىڭنى سېلىپ، ھەر تەرەپتىن توشقان ئادەمنى تاپالىساڭ، ئۇ يىراق ياكى يېقىنىڭ بولسۇن، يات ياكى تۇغقىنىڭ بولسۇن، ئۇنىڭغا يالاۋاچلىق نامىنى بېرىپ، ئىش تاپشۇرساڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولغاي.
ئۆگدۈلمىش سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تەۋەززۇ بىلەن ئولتۇردى.
— سۆزلىرىڭنى تولۇق چۈشەندىم، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلىك قايىللىق بىلەن، — يەنە بىر سورايدىغان گېپىم بار، سۆزۈڭنى ئايىماي ماڭا ئېيتىش سېنىڭ قەرزىڭ بولسۇن. سۆزلىرىڭنىڭ ھەقىقىنى ئېيتىش مېنىڭ قەرزىم بولسۇن. قېنى ئېيتىسەن، بەگنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك پوتوكچىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟
— ئالىملىرى، بۇ ئىشقا پاراسەت يۈرگۈزۈپ ئىش تۇتماق لازىمدۇر، — دەپ جاۋاب بېرىشكە باشلىدى ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئىلىككە ئۆتۈنۈش بىلەن، — بۇ ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئېيتىپ بېرەي.
ئەي ئىلىك، بەگلەر ھەر قانچە بىلىملىك بولغان تەقدىردىمۇ ئونىڭ سۆزىنى يەنىلا پوتىدىغان پوتوكچى بولۇشى لازىم بولىدۇ. بەگ كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى پوتوكچىگە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ سۆزلەر ئاز-كۆپ بولسۇن، پوتوكچى ئۇنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇشى لازىم. بەگلەرنىڭ مەخپىي سىرلىرىنى يوشۇرۇشقا ھەقىقىي ئىشەنچلىك چىن ئىنسان كېرەك. ئىشەنچلىك بولۇش ئۈچۈن دىنى
155
كامىل بولۇشى لازىم. پۆتۈكچى ئەگەر سۆزگە ھېرىس بولالمايدىكەن، بەگنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ ئۆزىنى ئۆرتەيدۇ. بەگلەر سۆزنى قانچىلىك مەخپى تۇتسۇن، ئۆزىمۇ بىلەن پۆتۈكچىگە يەنىلا دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. سىرنى بۇ ئىككى ياردەمچىگە ئاچقان ئىكەن، ئۇلارنىڭ بەزى چاقچاقلىرىنىمۇ كۆتۈرمەك كېرەك. ۋەھالەنكى، ئۆزىمۇ بىلەن پۆتۈكچى بەگنىڭ پۈتۈن مەخپىيىتىدىن ۋاقىپ، ئەگەر سۆزلەر پىنھان تۇتۇلمايدىكەن، ئۆز ئىشىغا ئۆزى تۇپراق سالغان بولىدۇ. ئۆتۈكەن بېگى تىلى ئارقىلىق شۇنداق ياخشى مەسلىھەت قالدۇرغان: «ئەي بەگنىڭ ئىشىغا يېقىن كىرگۈچى، سۆزۈڭگە ھېرىس بول. سۆزۈڭگە مەھكەم بولمىساڭ تېزدىن بېشىڭنى بېرىشكە تەييار بول. ئېغىز دېگەن خۇددى شامال ئۆتكىچىگە ئوخشايدۇ. سۆزۈڭ چىقسا، خۇددى شەھەر شامىلىدەك جاھانغا يېيىلسا يىغىشتۇرۇپ بولماس، پۈتۈن خەلق ئاڭلايدۇ-توسۇپ بولماس. ئېغىزدىن بەزىدە ئوت، بەزىدە سۇ چىقىدۇ. بىرى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ، يەنە بىرى كۆلدۈرۈپ گۈل قىلىدۇ.» كېرەكسىز سۆز خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتتۇركى، كۆيۈپ ئۆرتەنمەي دېسەڭ، تىلىڭدىن ھەرگىز ئورۇنسىز سۆزنى چىقارمىغايسەن. قاياققا ئاقسا گۈل-چېچەككە ئۇرالغايسەن. ئەي مەرت ئاتالغان بىلىملىك ئاقىل، كۆڭۈل سىرىنى بەك مەھكەم ساقلىغۇلۇق. بۇ بېيىتنى ھەر دائىم ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلىپ، ئىچ سىرىڭنى يوشۇرۇشقا پەردە قىلغىن:
سىرىڭنى ساقلا چىڭ، دېمە ھېچقاچان، دېسەڭ گەر چېكەرسەن يىللار پۇشايمان. قىزىل تىل، قارا باشقا دۈشمەن يامان، تۆنۈڭدىن ھەزەر قىل ياشارسەن ئامان.
ئالىملىرى، پۆتۈكچى بىلىملىك، ئەقىللىق بولمىقى، خېتى
156
ئۆز، بالاغەتتە① ئۈستۈن بولمىقى لازىم. پۈتۈلگەن خەت ئۆز بولسا كۆڭۈل زوق ئالىدۇ، ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىپ كۆڭۈل ئاۋۇنىدۇ. ئەگەر خەت بىلەن بالاغەت بىرىكسە، بۈنىڭ بىلەن پۈتۈلگەن پۈتۈكنىڭ تىلى تېخىمۇ ياخشى يۈرۈيدۇ. ئىلى پۈتۈكچىسىنىڭ مۇنۇ ھېكمەتلىك سۆزىنى ئاڭلاپ قويغۇلۇق: «سۆزلەرنى پۈتۈش قائىدىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى خاسىيەتلىك ئىشتۇر. كۆپلىگەن ياخشى سۆزلەر پۈتۈكتە خاتىرىلىنىپ ساقلىنىدۇ، پۈتۈلگەنلىكى ئۈچۈن سۆزلەر ئۇنتۇلمايدۇ.» پۈتۈكچىلەر كىتابقا يازمىغان بولسا، بۇ ھېكمەتلىك بىلىملەرنى قانداق بىلىپ يەتتۇق؟ بىلىملىك دانالار پۈتۈپ قويمىغان بولسا، بىزدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى كىممۇ ئېيتىپ بېرىپ يەتتى؟ قارا، كىشىلەر ئارىسىدا يېزىق پەيدا بولمىغان بولسا، ئېغىزدىكى سۆزگە كىممۇ ئىشىنەتتى؟ كىشىلەر ئەلدىن-ئەلگە خەت-خەۋەر ئەۋەتەتتۇ. ئەگەر يېزىق بولمىغان بولسا، سۆزلەرنى قانداق يەتكۈزەلەيتتى؟ يېزىق تولىمۇ خاسىيەتلىك نەرسىكى، بەگلەر تىل ئىشىنسمۇ يېزىق بىلەن بېجىرىدۇ. ئەي ئەل كاتتىسى، مۇنۇ ئۈچ كىشى بەگلەرنىڭ ئىشلىرىغا تىرەك بولىدۇ: بىرى، ئەقىللىق، بىلىملىك دانىشمەنلەر. يەنە بىرى، سۆزلىرىنى پۈتۈكچى پۈتۈكچى. ئۈچىنچىسى، دۈشمەن-بۆرىلەرنى يوقىتىشقا كېرەكلىك بولغان تاش يۈرەك ئوغلانلار. كېڭەشلىككە ئەقىللىق، بىلىملىك، پاراسەتلىك دانالار پايدىلىقكى، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. ئەلنىڭ بارچە ئىشلىرىنى ئوخشىغانمۇ پۈتۈك، ئەلنىڭ كىرىمىنى تۈتۈپ تۈرىدىغانمۇ پۈتۈك. باھادىر ئوغلانلار بولسا قولىغا قىلىچ ئېلىپ ياۋ بويىنىنى يانچىدۇ، چېلەيدۇ. قەيەرگە بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئەر توپلانسا، كىشى تۈمەن ئارزۇسىغا يېتىپ، تىلىكىنى تاپىدۇ، قىلىچ بىلەن ئەل-يۇرتنى بويسۇندۇرىدۇ، قەلەم بىلەن دۆلەتنى
① بالاغەت — سۆزنىڭ گۈزەل، راۋان، يېقىملىق، مۇكەممەل، مەنىلىك بولۇشىدۇر. بۇ ھەقتىكى ئىلم «ئىلىمى بالاغەت» دەپ ئاتىلىدۇ.
157
تۈزەيدۇ، ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن ئەلنى يولەيدۇ، بۇ ئۈچ نەرسىگە تايىنىپ جاھاننى سوزۇلدۇرىدۇ. بۇ ئۈچ خىل كىشىلەردىن باشقا رەھبەتسىزلەر يۇقىرىدىكى ئۈچىگە تەگىشىدىغان بۇتلاقۇلاردۇر. بىلىم بىلەن ئەلدە قانۇننى يۈرگۈزگىلى، ئەقىل بىلەن پۈتۈن ئىشنى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. قىلىچ ئەل تۇتىدۇ ھەم خەلقلەرنى ئەل قىلىدۇ. قەلەم ئەلنى تۈزەيدۇ ھەم خەزىنە توپلايدۇ. قىلىچتىن قان تامسا، بەگ ئەل ئالىدۇ، قەلەمدىن سىياھ تامسا، خەزىنە تولىدۇ. ئۆتكەن ئۇزاق ئەسىرلەردە بولسۇن ھەم كەلگۈسى زاماندا بولسۇن يۇقىرىقى ئىككى ئەڭگۈشتەر بۇ دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى بولغان ۋە بولغۇسىدۇر. ئەل سورىغۇچى دانا بەگلەر بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتسا، بەگ ئۈچۈن ئۇلۇغ پەزىلەت بولىدۇ. بۇ سۆزگە مۇناسىپ كېلىدىغان مۇنداق بىر سۆز بار: كىشىنىڭ ئىلىم ئىگىلىشى بەك ياخشى پەزىلەتتۇر. تېخىمۇ ئالىي پەزىلەت قىلىچ ئۇرۇشتۇر. قىلىچ بىلەن ئەل نىھايىتى ياخشى باشقۇرۇلىدۇ. قەلەم بىلەن ئەل تۈزىلىپ، تىلەك-ئارزۇلار روياپقا چىقىدۇ.
پۈتۈكچى تەمەخور بولماسلىقى، كۆزى توق، مېھرىبان، ساپ كۆڭۈل، مۇھتاجسىز بولۇشى كېرەك. كۆز-قارنى توق كىشى مال-دۇنياغا ھىرسىمەن بولمايدۇ، مال-دۇنيانىڭ ئازدۇرۇشىغا ئالدانمايدۇ. تەمەخور ئادەم نەپسىگە ئەسىردۇر، ئۇ بەگ بولسىمۇ قۇلدۇر، ئادەملەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدۇر. ئاچ كۆز پۈتۈكچى بىلىمنى بۇزىدۇ، تەمە بىلەن پۈتۈپ، پۈتۈكنى بۇزىدۇ. ئۇنداق ئادەم ئالتۇن-كۈمۈش كۆرسە ئېزىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يا بېگىنىڭ بېشىنى يەيدۇ ياكى ئۆز بېشىنى بېرىدۇ. سادىق خىزمەتچى بەگنىڭ بوسۇغىسىنى تەككىيە قىلىپ ياتىدۇ، ھەر قاچان لازىم بولغاندا ئىشىكتە ھازىر بولىدۇ. ئۇنداق ئادەم بەگنىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدۇ. تېنى، جېنى ۋە مېلىنى بېگىگە بېغىشلايدۇ.
پۈتۈكچى پاك، مەيدىن فارىغ بولۇشى، يارامسىز قىلىقلاردىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى تارتىشى لازىم. مەيگە بېرىلگەن پۈتۈكچى
بىلىمنى تېزىتېدو، بىلىمى تېزىپ كەتكەن پۈتۈكچى پۈتۈكنى تۈزۈتېدو. شۇڭا بىرى، خېتى ئېنىق بولغان پۈتۈكچىنى، يەنە بىرى، قائىدىلىك سۆزلىيەلەيدىغان ئەلچىنى ياخشى تاللىغۇلۇق، ئاندىن ئۇلارغا ئىشىنىپ ئىش تاپشۇرغۇلۇق. مۇبادا يېقىن قاياشلار ۋە يىراق ياتلار ئارىسىدا جەنجال كۆرۈلسە ئۇلاردىن كۆرگىن. بىرەر ئىش تۇغۇلسا مۇشۇ ئىككى كىشىدىن چىقىدۇ. بۇزۇلغان ئىشلارنى ئوڭشاشمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. پۈتۈكچى پۈتۈكتە يېڭىلىشىپ قالغان بولسا، ھاجىپ تىلى بىلەن تۈزىتىپ بېرسۇن.
ئەي بىلىگ ئالىيلىرى، پۈتۈكچى ئەنە شۇنداق بولسا، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قول بەرسە بولىدۇ، ئادىمىلىكمۇ شۇنداق ئادەملەردىن كېلىدۇ. بۇ توغرىدا بىلىدىغانلىرىم شۇلار ئىدى، بارىنى ئېيتتىم، مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم.
ئەنە شۇنداق دەپ سۆزىنى توختاتتى ئۆگدۈلمىش. — مەن دېگەنلىرىڭنى زېھىن قويۇپ ئاڭلىدىم، — دېدى بىلىگ، — يەنە سورايىدىغان بىر ئىش، ئەمدى خەزىنىدار بېگنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىن. قانداق ئادەمگە ئىشىنىپ ئەلنىڭ خەزىنىسىنى تاپشۇرغۇلۇق؟ ئۇ تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى جايىدا ئىشلىيەلەيدىغان، خەزىنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئوبدان باشقۇرالايدىغان بولسۇن.
ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى بىلىگنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەزىنىدار بېگنىڭ تەۋسىپ ۋە تەرىپىنى مۇنداق بايان قىلدى:
— ئالىيلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش سۆيۈملۈك ۋە جاننىڭ دەرمانىدۇر. خەزىنە ئىشنى ئىشىنىپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى چىن، ئىشەنچلىك، دۇرۇس ئەر تاللىنىشى كېرەك. جاھان
كىزىپ مال-دۇنيا توپلىغان سودىگەر بېشى شۇنداق دېگەنكى: «جان شېرىن، ئالتۇن-كۈمۈش شېرىن جاندىنمۇ شېرىن. زەر-كۈمۈش ئېچىلماس كۆڭۈللەرنى ئاچىدۇ، ئېگىلمەس بويۇنلارنى ئېگىدۇ.» زەر-كۈمۈش كۆرۈپ كۆڭلى تارتىمىغان ئادەمنى پەرىشتە دېسە ئەرزىيدۇ. ئالتۇننى كۆرۈپ جەسۇر ئەرلەرمۇ يۇمشايدۇ، يىرىك سۆزلۈك كىشىنىڭ سۆزىمۇ بوشايدۇ. ئەلنىڭ خەزىنىسى كۈنمۇكۈن كۆپىيىپ، بەخت تاپماق بولغان خەزىنىدارنىڭ كۆزى توق، خۇي-پېيىلى ئوز بولسۇن. ئۇ مال-دۇنيانى كۆپ كۆرۈپ كۆزى تويغان ھەم خۇدادىن قورقىدىغان بولۇشى، ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق ئايرىشى، ياراملىق بىلەن يارامسىزنى ئېنىق بايقاشى لازىم. كۆزى توق كىشىلەر مېلىڭغا نەزەر سالمايدۇ. دۇرۇس، چىن كىشىلەر ئۆزىنى پۇلغىمايدۇ. كىچىكىدىن تارتىپ زەر-كۈمۈش كۆرۈپ زورايغان يەردە ھېرىسلىق قانچە كۈچلۈك بولمايدۇ. خۇدادىن قورقىدىغان ئەر شەكسىز دۇرۇس يول تۇتۇدۇ. توغرىلىق — دەسمايە، پايدىسى ياخشىلىقتۇركى، بۇ پايدا كىشىنى مەڭگۈلۈك لەززەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. دۇرۇس ئادەمنىڭ كۆڭلى ئىزگۈدۇر. كۆڭلى ئىزگۈ كىشىنىڭ بەختى مەڭگۈدۇر. مېھرىبان كىشىلەر شۇنداق دەيدۇكى: دىلىڭ ۋە تىلىڭنى رۇس، قىلىقىڭنى دۇرۇس تۇتساڭ ئالەم سېنىڭكى. ئادەم توغرا ياشىسا كۆڭلى سائادەتكە تولىدۇ. ھاياتى سالامەتلىكتە ۋە قۇتلۇق لەززەتتە ئۆتىدۇ.
خەزىنىدار ساداقەتمەن، ئويغاق، ساق، تېتىك بولسۇنكى، ئۇ تېتىكلىك بىلەن تۈمەنلىگەن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇ يەنە ھايالىق، ئاق كۆڭۈل بولسۇن. ھاياسىز كىشىدىن يىراق تۇرغۇلۇق ۋە كۆڭۈل ئۆزگۈلۈك. ھايا كىشىنى يامان ئىشتىن توسقۇچى ھەم كىشىنىڭ يامان قىلىقلىرىنى تۈزەتكۈچىدۇر. خەزىنىچى مەي ئىچمەيدىغان، ئۆزىنى تۇتالايدىغان بولسۇن. ئۆزىنى تۇتقۇچى بەخت تاپقۇچىدۇر. خەزىنىدار مەي ئىچسە مال-دۇنياغا
سېخىيلىق قىلىدۇ، باشقىلارغا ئەلنىڭ خەزىنىسىنى تارقىتىدۇ-يۇ، يىغالمايدۇ. شۇڭا، خەزىنە ئىشىغا بېخىللىق ياخشىراق. بېخىللىق بىلەن خەزىنەنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ. خەزىنىدارنىڭ سېخىي بولۇشى كېرەك ئەمەس. ئۇ قولى چىڭ، ساق بولمىقى، خەزىنە مېلىنى بۇزۇپ-چاچماسلىقى كېرەك. سېخىيلىققۇ ياخشى ئىش، ئۇنى تاشلىماسلىق كېرەك، بىراق ئەلنىڭ بايلىقى بىلەن سېخىيلىق قىلماسلىق كېرەك. كۆيۈمچان خەزىنىچى ئاۋادار بولىدۇ. ئاۋادار خىزمەتچى بېگىنى باي قىلىدۇ. سادىق خىزمەتچى ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر. ئېسىل ئەرلەرنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. خەزىنىچى سەگەك بولسا ئىشلار بۇزۇلمايدۇ، خەزىنەنى ھېسابلىق تۇتۇدۇ، ئۆزىنى ئۇنتۇمايدۇ. ئادەم ئىشتا كۆڭۈللۈك بولسا ئۇنتۇماس بولۇر، ئىشنى ھېسابلىق قىلغانلار يېگىلمەستۇر. خەزىنىچى ئەقىلسىز بولسا ئۆز ئىشىنى بۇزىدۇ. كۆڭۈلسىز بولسا ئادەم ئۇنتۇغاق بولىدۇ. تۈرلۈك ھېسابات زېھىننى تەلەپ قىلىدۇ. زېھىن بولمىسا ئىش قانداق ۋۇجۇدقا چىقسۇن؟! ھېسابات پۈتۈك بىلەن خاتىرىلەنسە ئۇنتۇلمايدۇ. شۇڭا، خەزىنە بېگىگە تۈرلۈك پۈتۈكنى چىرايلىق پۈتەلەيدىغان ياراملىق پۈتۈكچى لازىم بولىدۇ. ئۇ پۈتۈكچى كىرىم-چىقىمنى ھەر دائىم ياخشى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، ھەر قانداق ئىشنى ھېسابات دەپتىرىدىن كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. يىل، ئاي، كۈنلەر ئېنىق خاتىرىلەنسە، ھېساباتتىكى سانلار ئوچۇق، ئىبەتلىك بولىدۇ. ھېساباتنىڭ توغرا بولۇشى ھەقىقەتەن پۈتۈك بىلەن بولىدۇ. پۈتۈپ قويۇلغان بولسا، ھېساباتنىڭ ئىشىكى ئۆز يولى ئېچىلىدۇ. ھېسابلىق كىشىلەر شۇڭا: ئىش باشقۇرغۇچى ئىشنى ھېسابلىق تۇتۇشى كېرەك. پۈتۈلمىگەن ئىش ئوڭاي يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەي ئوغۇل، كۆڭۈلگە ئىشەنگۈلۈك ئەمەس. ھەر ئىشنى پۈتۈپ قوي، پۈتۈپ قويۇلغان سۆز ساقلىنىدۇ، غەپلەتتە قالسا يوقىلىدۇ. خىزمەتچى بىخۇتلۇق قىلسا ھېساب بېرىشتە ئېگرىيدۇ. ھېساب
161
تۇتقۇچى ھەر تۈرلۈك پۈتۈك ۋە ھېسابات ئىشلىرىنى ياخشى بىلىگەندىلا، ئاندىن ئىشلىرىنى توغرا قىلىپ، ھېسابىنى ساق تۇتالايىدۇ. قايسى خىزمەتچى ھېسابتا غاپىل بولسا، ھېساب بېرىشتە زارلاپ بېشىنى يەرگە ئۇرۇدۇ. خەزىنىدار بەك ھېسابنى تولۇق بىلىشى، ئەقىل-ئوقۇمنى ھېسابتا پىشۇرۇشى لازىم. ئۇ قول ھېسابىدا يېتىلىپلا قالماي، ھەندىسە ئىلمىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. ئىلمى ھەندىسە تولىمۇ ئىنچىكە ھېساب، ئۇنىڭ بىلەن ئاسمان-زېمىننىڭ ھېسابىنى ئالغىلى بولىدۇ. دانا ھېكىملەر شۇڭا: ھەندىسە ھېسابى بەك چوڭقۇر، ئۇ ھەتتا ھېكىملەرنىڭ بېشىنى قايدۇرۇدۇ. ئۇ يەتتە قات ئاسماننى دانە-دانە قىلىپ يارىدۇ، تۈزلەڭلىك ۋە دۆڭلۈكلەرنى تىلىمدەك يارىدۇ، دېيىشكەن.
خەزىنىچى يەنە ئىدراكلىق، بىلىملىك، خۇلقى-مىجەزى تۈز بولسا قىلغان ئىشلىرى ئۆز بولىدۇ. بىلىملىك كىشىلەر چىن ۋە توغرا بولىدۇ. قەيەردە توغرىلىق بولسا كۆڭۈل نۇرلۇق بولىدۇ. ئەقىلسىز ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، بىلىمسىز ئادەم ئىشنى ئاخىرلاشتۇرالمايدۇ. خەزىنىدارنىڭ ئىشى ئوردا ئىچىدە بولغاچقا ئۆزىگە تېخىمۇ ئاگاھ بولغۇلۇق. ئۇ ئوت يالقۇنى ۋە ئېس-تۈتەكتىن خالى بولمەن دەيدىكەن، ئىش-ھەرىكىتىنى ئىشەنچلىك قىلىپ، تىلى بىلەن دىلىنى دۇرۇس تۇتسۇن، كۆزگە ھېزى بولسۇن، تىلىنى چىڭ تۇتسۇن، ھاۋايى-ھەۋەسلەرنى ئەقىل بىلەن تىزگىنلىسۇن. كۆز كۆرسە كۆڭۈل تارتىدۇ. كۆڭۈل تەقەززاسىدىن كىممۇ قۇتۇلالايدۇ، كۆڭۈل دېگەن يەتتە ئەزانىڭ شاھى، شاھ باشلىسا ئادەم كەينىدىن يۈگۈرەيدۇغۇ؟! بىلىملىك كىشىلەر شۇڭا: ئەي يىگىت، كۆڭۈل ۋە كۆزۈڭگە ھېزى بول، ۋۇجۇد، يەتتە ئەزا كۆڭۈلگە باقىدۇ. ئىنسان كۆڭۈل بىلەن ئېغىر يۈك يۈدۈيدۇ. كۆڭۈلدىن مەھرۇم كىشى بوياقلىق ھەيكەلدۇركى، ئۇ ئالىملىق نامىنىمۇ يۈيىدۇ، دېگەن.
خەزىنىدار سودىنىڭ ئىلمى-تەلىمىنى بىلىدىغان بولسۇن، سودا
162
يولىنى بىلمىسە پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇ پۈتۈن مال-تاۋارنىڭ تەننەرخىنى بىلىشى، قىممەت ۋە ئەرزىنىنى توغرا پەرق ئېتىشى كېرەك. باھاسىنى بىلىپ ئالدىنىپ قالمايدۇ، ئېلىم-سېتىمدا ھەم زىيان تارتمەيدۇ. ئېلىم-بېرىمدە مۇلايىم بولسا، مەرتىۋىلىك ۋە مەرتىۋىسىزلەرگە سۆزى شېرىن بولسا، نېمە ئۆتۈنە ئالغان بولسا ۋاقتىدا قايتۇرسا، باشقىلارمۇ نېمە سورىسا بېرىدۇ. سودا ئىشىدا مۇلايىم، دورۇس بولىدىكەن، ئۇنىڭغا لازىملىق مال ئۈزۈلمەيدۇ. بەگلەر ئەگەر ئەسكەر-خىزمەتچىلەرگە ئېنام بەرگەن بولسا، چىرايىنى بۇزماستىن تارقىتىپ بەرسۇن. خان بەرگەن ئېنام تۇتۇپ قىلىنغىدەك بولسا، ئەسكەر-خىزمەتچىنىڭ كۆڭلى سۇنىدۇ. قوشۇننىڭ كۆڭلى سۇنسا، بەگنىڭ نامىغا داغ چۈشىدۇ. سېخىيلار بېشى بۇ توغرىدا: كىم رەقىبنى رەپىقكە ئايلاندۇرماق بولىدىكەن، لەۋز قىلغان نەرسىنى بەرمەسلىكلا كۇپايە. لەۋز قىلىپ قويۇپ بەرمەيدىغان نىيىتىڭ بولسا تىلىڭ يارما، لەۋز قىلغان ئەتە نېمەن تۈتۈپ قالما، دېگەن. خەزىنىدار بەگ سۆزىدە تۇرمىسا ئىشەنچتىن مەھرۇم بولىدۇ، ئىشەنچ يوقالسا مالدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ. خەزىنىچى ساق، ئويغاق بولسۇن، ئازغاق بولمىسۇن، ئازغاق بولسا ئىشلىرى كەينىگە سۈرۈلىدۇ. خادىملارنىڭ ھەممىسى بەگنىڭ خىزمەتكارى، ئۇلار ھاجەتمەنلىكتىن بەگنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ خىزمەتتە تۇرغان. بەگ خىزمەتچىلىرىنىڭ قولى قىسىللىقى سەۋەبلىك ھاجەتمەن بولۇپ قالغانلىقىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئۇ خادىمغا ئېھسان بېرىشكە يارلىق بەرگەن بولسا، خەزىنىچى ئېھسان قىلىنغان نەرسىنى ۋاقتىدا بەرمەي ئارقىغا سوزۇۋەتسە، ئۇ خادىم بەگدىن يۈزىنى ئۆرۈپ كېتىدۇ. كىشىگە موھتاج بولغان ۋاقتىدا تېپىلغان قىلدەك نەرسە، پىلدەك چوڭ بىلىنىدۇ. شۇڭا بىر ئاق چاچ چال شۇنداق دېگەن: ئەي پالۋان، ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىگە يارا، ئادەم موھتاج پېيتىدە ھاجىتى راۋا بولسا، ئۇنىڭ بەدىلىگە جېنىنى پىدا قىلىشتىنمۇ تەييار.
163
بولىدۇ. مېنىڭ خەزىندار ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم شۇلار ئىدى، شۇنداق ئەقىللىق، بىلىملىك، ھايالىق، مۇلايىم كىشىنى تاپساق، خەزىنە بايلىقنى ئىشىنىپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ھەققىنى ئەدا قىلساق ئەرزىيدۇ، ئالىيلىرى.
— ئۇقتۇم، كۆڭلۈمنى يورۇتتۇڭ، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ، — سورايدىغان يەنە گېپىم بار. ئوردىدا يېمەك-ئىچمەك ۋە داستىخان باشقۇرغۇچى ئاش بېشى قانداق بولمىقى لازىم؟ بەگلەر تائامنى شۈبھىسىز يېيەلەيدىغان ۋە بەگلەرنىڭ بېشىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئاش بېشى ئىشەنچكە يارايدىغان بولسۇن. چۈنكى، شۈبھىلىك كىشىنىڭ قولىدا غىزا يېيىش تولىمۇ خەۋپلىكتۇر. ئۆگدۈلمىش، ئەمدى بۇ ھەقتىمۇ سۆزلەپ، مېنى شۈبھىدىن ئازاد قىلغىن.
* * *
ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئىلىگگە چىن، ئىشەنچلىك ئاش بېشىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ، ئىلىگنىڭ شۈبھىدىن ئازاد بولۇپ، خاتىرجەملىك قولىنى نېمەت داستىخىنىغا سۇنۇشىنىڭ يولىنى مۇنداق ئاچتى:
— ئالىيلىرى، بۇ ئىشقا تولىمۇ ئىشەنچلىك ۋە خوش پېئىل ئەر تاللىنىشى كېرەك، — دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — ئاش-سۇ ئىشىنى توغرا، چىن، سەرخىل كىشىلەرنى تاللاپ تاپشۇرۇش كېرەك. ئۇ چىن، توغرا، ساداقەتمەن ۋە تىرىشچانلىقتا كىشىلەرنىڭ ئالدى بولسا، يامان ئىشتىن ئويلىنىدىغان بولسا ئۇنداق خىزمەتچى بېگكە بارلىقىنى بېغىشلايدۇ. بەگلەرگە خەۋپ-خەتەر كۆپ ھاللاردا غىزادىن كېلىدۇ. مۇبادا ئاشپەز قىلىدىغىننى قىلىپ قويسا، بۇنىڭغا كىم
164
ئىگە بولالايدۇ؟ شۇڭا، بەگلەر ھەر قانداق يەرگە بارغاندا ئۆزىنى ئوبدان كۆرسىتىشى، يېمەك-ئىچمەكتە ئېھتىيات كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇشى كېرەك. خەلقنىڭ سەردارى بولمىش ئەرنىڭ مىڭلاپ دۈشمىنى بولىدۇ. دۈشمەننىڭ ئەرگە ھەر قاچان تۇزاق قۇرۇقلۇق بولىدۇ. داستانخان باشقۇرغۇچى ئىشەنچلىك، چىن، پىشقان بولمىسا يېمەك-ئىچمەكتە بەگلەرنىڭ ئىشى خەتەرلىك بولىدۇ. بەگنىڭ ئىشىنى تەمىلىك قىلىپ ۋاقىت-قەھرلىدە بېرىش ئۈچۈن، بۇ ئىشقا بەگكە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان، كونا، پىشقەدەم خىزمەتچىنى قويۇش لازىم. ئوردىغا ئەجرى كۆپ سىڭگەن، خىزمەت كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنى قەدىرلەپ ئىشەنسە بولىدۇ. كىشىنىڭ ياخشىسى ئۆز قىل قاتتىسنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سالغۇلۇق: نېمىگە ئەجرى كۆپ سىڭگەن بولسا، شۇ نەرسە ھەممىدىن ئەزىز ۋە قەدىرلىك بولىدۇ. ئادەم ئۆمرىنى نېمىگە سەرپ ئەتكەن بولسا، ئۇ نەرسە شېرىن جاندەك قىممەتلىك بولىدۇ. ھاياتقا ئۆكۈنۈش نە ھاجەت، بىھۇدە ئەجىرگە ئىسسىت دېگۈلۈك، ئەجىرسىز ئۆتكەن ئۆمۈرگە مىڭ ئەپسۇس ئېيتقۇلۇق. ئادەم ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە ئۆكۈنمەيدۇ، مەنەسىز ئۆتكەن ھاياتقا ئېچىنىپ مىڭ پۇشايمان يەيدۇ.
داستىخان بېشىنىڭ كۆزى توق، كۆڭلى با، ھۆسۈن-چىرايى ئايدەك پاكىز بولۇشى لازىم. چاچ-ساقىلى قىرىلغان، قامەتلىك بولسۇن، تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئۆز بولسۇن. كۆركەم كىشىلەر كۆزگە پاكىز كۆرۈنىدۇ. ئاش ئېرىغ بولمىسا، گالغا قېرىق بولىدۇ. ئاللامۇ پاكلىقنى سۆيىدۇ. ئادەم پاكلىقى بىلەن ياخشى نامغا ئېرىشىدۇ. پاكلىقنى ھەممە كىشى خالايدۇ. ئاش پاكىز بولسا ئارزۇلاپ يەيدۇ. ناپاك كىشىنى تائامغا يېقىن يولاتقۇلۇق ئەمەس. ناپاك كىشىنىڭ ئىشىمۇ ئېرىغسىز بولىدۇ. تەقۋادار، شەرىئەتنى بىلىدىغان كىشىدىن دۇرۇسلۇق كېلىدۇ. بەگلەرنىڭ تەبىئىتى ئۆز ئۆزى پاكتۇر، غىزا پاك بولمىسا قانداق يېگىلى بولىدۇ؟ ئاشپەز
165
پاكىز بولسا پاكىز تائام كەلتۈرىدۇ. ئاش تازا بولسا سۆيۈنۈپ يېيىلىدۇ. كۆزى ئاچ كىشى قازانغا قول تىقىپ تاماقنى بۇلغايدۇ. كۆزى ئاچ كىشى قىلىقسىزدۇر. قىلىقسىزلىق ئادەم ئۈچۈن تەڭداشسىز كېسەلدۇر. چىن، پۇختا كىشىلەرگە ئىشەنگۈلۈك؟ بىراق ئۆزۈڭنىڭ بېشىنى ئۆزۈڭ ئوبدان كۆزەتكۈلۈك. شۇنى بىلگىنكى، ھەر قانچە ئىشەنچىلىك، چىن، دۇرۇس ئادەمنىمۇ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ۋە كۆزۈڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك. بۇنىڭغا تەقلىدەن مۇنداق بىر سۆز ئېيتىلغان، بۇنى ئەستە تۇتقۇلۇق: ھەممىگە ئىشەنسەڭمۇ يەنىلا ئۆزۈڭگە ھېزى بول، ئۆزۈڭنىڭ كۆزى ساڭا ئەڭ مېھرىباندۇر. ھەممىدىن قىممەتلىكى ئەزىز جېنىڭدۇر. ئەزىز جېنىڭنى بەك ئاسرىغىن، باشقا گەپنى قويغىن.
ئاش بېشى توغرا، ئىشەنچىلىك، دۇرۇس بولسۇن. دۇرۇس بولمىغان ئەر خۇي-پېيلىنى رۇسلىيالمايدۇ. مۇبادا ئاش بېشى ئەگرى بولمىدىكەن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرمۇ ئەگرى يول تۇتىدۇ. ئەگەر بىر توپ پاسىق يېمەك ئوغرىلىرى ئاشخانىغا توپلانغان بولسا، بەگلىرىنىڭ دەستىخىنى قانداقمۇ بەگكە خاس كۆركەملىككە ئىگە بولسۇن؟ ئادەمگە دۇرۇسلۇق بىلەن توغرا ھەرىكەت لازىم، شۇندىلا ئۇ ياخشى سۆيۈنچىگە ئېرىشىدۇ. ئۆز قىلىقلىق كىشىلەر شۇنداق دېگەن: ئىش-ھەرىكىتى دۇرۇس ئادەم دۇنيا نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۇرۇسلۇق نەدە بولسا كۆڭۈللىرى قۇتلۇق بولغاي، توغرا يولدا ماڭغان كىشىنىڭ كۆڭۈللىرى قارايمايدۇ.
— ئالىيلىرى، — ئۆگدۈلمىش جىددىيرەك تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى، — خىيانەت قەيەرگە قەدەم قويسا، قۇتلۇق ئىشلارنىڭ ھەممىسى يىراقلايدۇ. خىيانەتچى قەيەرگە قول ئوزاتسا دىڭىزمۇ سوغۇلۇپ، يەرلەر قۇرۇيدۇ. شۇڭا، باش ئاشچى خىيانەتتىن يىراق، ساداقەتمەن، ھايالىق، ئۆزىنى تۇتالايدىغان، ئەقىللىق، بىلىملىك، تاماق ۋاقتىدا چەبدەس بولسۇن. ئۇ
قاييدە-يوسۇن بىلەن ئىش كۆرۈشى، كىرىش-چىقىشتا ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇشى كېرەك. ئەقىلنى يۈگۈرتۈپ ئۆزىنى كۆزىتىشى، بىلىمنى ئىشلىتىپ كۆزىنى يىغىشتۇرۇشى لازىم. بېگىنىڭ ياخشى نامى ئۈچۈن ۋاپادارلىق كۆرسەتسە، بېگىنىڭ قۇتلۇق نامى بىلەن ئۆزىنىڭ ياخشى نامىمۇ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر ياخشى نامنى قوغلۇشىدۇ. بىلىملىك كىشىلەر ئىشەنچلىك كېلىدۇ. ئەقىللىق كىشىدىن ئادەملىك كېلىدۇ. بىلىملىك كىشىلەر ئادەمنىڭ ئادىمىدۇر. ئىدراكلىق كىشىلەر ئېيتىقانىكى: ئەقىللىق، ۋاپادار كىشى ئادەملەرنىڭ ئېسىلى ھەم سەرخىلىدۇر. ئۇ ھەر قاچان باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ. ناپاك، ۋاپاسىز، پەس قىلىقلىق ئادەم ۋەدىسىنى بۇزۇدۇ.
ئەي بىلىگ ئاتا، ئاش بېشى مانا شۇنداق بولسا، ئۇ داستىخان سېلىپ ئاش-تاۋاق قويغاندا بەك شۈبھىلىنىمەي، خاتىرجەم غىزالانسا بولىدۇ. مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم شۇلار ئىدى، كۆڭلۈمدە بارىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردىم.
— ئەي دانا ئوغۇلۇم، سۆزلىرىڭنى تولۇق ئۇقتۇم ھەم چۈشەندىم، — دېدى بىلىگ، — ماڭا ئەمدى باش ئىشچىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگىن. ئۇ شاراب ئىشلىرىنى قانداق باشقۇرۇشى كېرەك؟ بەك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، كۆڭلى تىنچ قولىدىن شۈبھىسىز شاراب ئىچىدىغان بولسۇن.
ئۆگدۈلمىش ئىش باشقۇرغۇچى بەگنىڭ پەزىلەت بابىدىن سۆز ئېچىپ، بىلىگنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ئۈچۈن ئەقىل تىلى بىلەن مۇنداق مۇستەھكەم سېپىل سوقتى:
— ئالىيلىرى، بۇ ئىشىمۇ كۆپ پاراسەت يۈرگۈزمەك لازىمدۇر. باش ئىشچى ئالدى بىلەن ئۆز قەۋمىدىن بولغان،
ئوزۇن يىل سىنالغان، كۆڭلىنى توختاتقان، توغرا يول تۇتقان كىشىلەردىن تاللىنىشى كېرەك. ئۇ سەمىمىي، سادىق، كۆيۈمچان، ئىشەنىچلىك، كۆزى-كۆڭلى توق، كۆڭلى مىسالى ئاتقان ئوقدەك تۈز بولمىقى لازىم. شۇنداق كىشى بۇ ئىشقا يارايدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇربىتى يېتىدۇ.
تۈرلۈك تومەن دورىلارنى ئىدىشچى باشقۇرىدۇ. ھەر تۈرلۈك دورا-دەرمەكلەر — ھەزىم قىلدۇرغۇچى دەمسەن، قوۋۋەتلەندۈرگۈچى مەجۇن دەمسەن، ئاجىزلاتقۇچى سۈرگە دەمسەن ئۇنىڭدا بولىدۇ. يەيدىغان، ئىچىدىغان، يالايدىغان دورىلارمۇ ئۇنىڭدىن تېپىلىدۇ. ھۆل-قۇرۇق يېمىش تەلەپ قىل، شاراپ ئىچمەك زوقىدا بول، ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن تەييار بولىدۇ. بىلىگىنكى، گالنىڭ لەززىتى ئاشپەز ۋە ئىدىشچىنىڭ قولىدا بولىدۇ. بەگلەرگە كېلىدىغان خەتەرنىڭ كۆپىنچىسى گالدىن كىرىدۇ. ئاشچى بىلەن ئىدىشچى ئىشەنىچلىك بولمىسا، بەگنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىشى بەك خەتەرلىك. بىلىملىك دانالار ئاگاھلاندۇرۇپ دېگەنكى: گېلىڭنى بەك كۆزەتكىن، تائامنى ئېھتىيات بىلەن ئاستا يېگىن. ھاياتىنى بىھۇدە نابۇت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈمكى، ئۇلار گېلىدىن كەتتى. ئادەمگە كېسەللىك گالدىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ دورىسى ۋە داۋاسىمۇ گالدىن ھەل بولىدۇ. گېلىڭدىن ساقلانسىڭ ئېسەنلىككە ئېرىشىسەن، تاماقتى ئاز-ئاز يەسەڭ شېرىنلىككە ئېرىشىسەن.
ئىدىش بېشى كۆپ ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بولسۇن. ئەقىللىق كىشىدىن ئادەمىيلىكنى كۈتۈش مۇمكىن. ئۇلار يامانلارغا ئارىلاشمايدۇ. بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ئىشى ئىشەنىچلىك ۋە توغرا بولىدۇ. ئوق تۈز بولمىسا ئوتۇن بولىدۇ، ئەر دۇرۇس بولمىسا تۈتۈن بولىدۇ. ئەي باھادىر بەگ، ئىشنى دۇرۇسلىق بىلەن قىل، دۇرۇسلۇقتىن تاشقىرى ياخشى ئىش يوق. ئىدىش بېشى ناھايىتى چاققان، قەلبى رۇس، نىيىتى دۇرۇس بولۇشى لازىم. بارلىق
168
ئىشنى دۇرۇسلۇق بىلەن قىلسۇن، يارىماس پەسكەشلەرنى ئۆزىگە يولاتمىسۇن. ئىچىملىكنى ئۆزى كۆرۈپ، ئۆز قولى بىلەن راسلىسۇن، ئۆزى تامغا ئۇرۇپ پېچەتلەپ ساقلىسۇن، يېمەك-ئىچمەككە قوشۇلىدىغان دورا-دەرمەكلەرنى ئۆزى قېتىپ پاكىز تۇتسۇن. قورۇق يېمىشلەرنى، شەربەت، گۈلاب ۋە ھەر خىل شارابلارنى ئۆزى راسلاپ ساقلىشى لازىم. ئۇ بېگگە كۆيۈنۈپ ۋە سۆيۈنۈپ، ئىچىملىكنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئوبدان ساقلاپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلسۇن، شۇندىلا بەگلەر تاپشۇرغان خىزمەتنى ئادالاپ ئورۇنداپ ئەجىر-تۆھپە كۆرسىتەلەيدۇ. بۇنداق ھالال ئەجىر خىزمەتچى مەنپەئىتىگىمۇ پايدىلىق. كىشىنىڭ ئەجرى نېمىگە كۆپرەك تەگكەن بولسا، ئۇنىڭ جېنىنىڭ يىلتىزى شۇ نەرسىدە بولىدۇ. بىر خۇش پېئىل كىشى بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: نېمىگە كىشىنىڭ ئەجرى كۆپرەك تەگكەن بولسا، شۇ نەرسە ئەزىز جانىدەك سۆيۈملۈك بولىدۇ. ئادەم ئۆمرىدە نېمىگە ئەقىدە قىلغان بولسا، ئۇنى سۆيۈشى، ئېغىر بولسىمۇ يۈكنى كۆتۈرۈشى كېرەك.
باش ئىدىشچىلىققا مۇشۇنداق كىشى تېپىلسا، ئۇنىڭغا بۇ خىزمەتنى تاپشۇرسا بولىدۇ. بۇ ئىشقا شۇنداق خۇش پېئىل كىشى كېرەككى، ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە ھۆسنى دىلنى يورۇتسۇن.
ئۇنىڭدىن قالسا ساقىيلارنىڭ خىزمىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلارنىڭ چىراي-تۇرىقى كۆركەم، ساقالسىز بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۈزى تولۇن ئايدەك، بويى تالدەك، تۇرىقى سۈرەتتەك ئۆلچەملىك، قارا چاچلىق بولسۇن، بېلى ئىنچىكە، يەلكىسى كەڭ، تېنى ئاق، مەڭزى قىزىل بولسۇن. ساقىيلار يېشىل، كۆك، سېرىق، ھال رەڭ يىپەك تونلارنى كىيىپ، يېمەك-ئىچمەك ئېلىپ يۈرۈسە تولىمۇ يارىشىدۇ. ساقىي پۈتۈنلەي ساقالسىز، پاكىز بولسۇن دېگەنلىك، ئىچىملىككە قىل-مويدەك نەرسىلەرنىڭ چۈشمەسلىكى ئۈچۈندۇر. قەدەھكە مۇي چۈشسە
169
شارابنى بولغايدۇ ، ئاش-سۇغا چۆشكەن بولسا زوقنى بوزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تەلىم بەرگۈچىلەر: قەدەھ سۇنغۇچى ساقىي ساقالسىز بولسۇن، دېگەن بولسا كېرەك. چۈنكى ساقىي كۆركەم يۈزلۈك، پاكىز بولسا ئۇنىڭ قولىدىن ئىچكەن شاراب تەنگە سىڭىدۇ. ئۆز قىلىقلىق چىرايلىق كىشى نېمە سۇنسا يارىشىدۇ، جانغا لەززەت، كۆزگە ھۇزۇر بېرىدۇ. بۇنداق لەززەتتىن بەھرە ئالغۇچى ھاياجاندا مۇنداق شېئىر ئوقۇغان:
يۈزى كۆركەم بولسا، خۇلقى بولسا ئۆز، نە تۇتسا ئىچەر ئەر زوق بىلەن ھۆنۈز. بولۇر ئاش يۈزنى كۆرمەك ئاچلارغا، توسسىغان كىشىگە بولۇر قانغۇسىز.
باش ئىشچى ئاشۇنداق بولسا، ساقىيلار مۇشۇنداق بولسا، بەگلەر ئۇلارغا تولۇق ئىشەنسە، ئۇلارغا چىن پۈتۈپ ئۆزىگە يېقىن تۇتسا بولىدۇ.
ئەي بەگلەر، بۇ بىر قانچە ئىشقا خىل كىشىلەرنى تالا، ئۇلار ساداقەتمەن، كۆزى توق، نومۇسنى بىلىدىغان بولسۇن. ئۇلارنىڭ بىرى ئەلچى، يەنە بىرى پۈتۈكچى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشچى بىلەن ئاشپەز. ئۇلارنىڭ بىرىدىن-بىرىنى ئوبدان تالا، مۇبادا كېيىن نامۇۋاپىق ئىشقا يولۇقۇپ قالساڭ پۇشايمان قىلما. ئەلچى بىلەن پۈتۈكچى يارىماس بولسا، ئۇنىڭ زەخمى ھاياتلىقنىڭ ئۆلى بولغان جانغا تاقىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق بىلەن ياراملىق كىشىلەرنى تاللاپ، ئاندىن ئىشلارنى تاپشۇرغۇلۇق.
170
ئۆگدۈلمىش سۆزىنىڭ ئايىغىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى .
— ئەي دۆلەتمەن ئېلىگ، بەگلەرنىڭ نامى خۇددى ئۇلارنىڭ ئىشىدەك ئۇلۇغ، ئۇلۇغ ئىشنىڭ باش ئاغرىقىمۇ چوڭ بولىدۇ. باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار ئالدىن كۆتۈرۈلمىسە، بەگلىك غولايدۇ. بەگلەر ئالدىغا ئۆنچە ئاقىل كېڭەشچىلەر كېڭەشتە شۇڭا: ئەي بەگ پاراغەت قوۋلاشما، مۇشەققەتنى يەگىن، پاراغەت بىلەن مۇشەققەت قوشكېزەك. بەگ مېھنەت بىلەن ئەلنى تۈزسە، ئەل بېيىپ خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ. خەلق بېيىسا بەگ تىلەككە يېتىدۇ، دېگەن.
پاراغىتىڭدىن ئارتۇق مەغرۇرلىنىپ كەتىمىگىن. پاراغەتكە ئۆلىنىپ ئاخىرى مۇشەققەتكىمۇ كېلىدۇ. ئاشچى بىلەن ئىدىشچى ھەر قانچە ئىشەنجىلىك بولغاندا مۇ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭدەك كۆيۈملۈك بولالمايدۇ. دانا كېڭەشچىلەرنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلىغۇلۇق ۋە پۈتۈۋالغۇلۇق: سۆيۈملۈك جېنىڭنىڭ ئەمنلىكىنى قوغداشقا ئۆزۈمدىنمۇ ئىشەنجىلىك بىرەرسىنى ئۇچراتمىدىم. ئامال بار ئۆزۈڭنى پۇختا قوغدىغىن، ئۆزۈڭنى قولدىن بېرىپ قويساڭ ئەمنلىك تىلىمىگىن.
ئالىملىرى، دەيدىغاننى دېدىم. قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە داۋاسىنى ئېيتتىم، مانا شۇنداق كىشىلەر بىلەن بەگلەر يۈكسىلىدۇ، يېغا بويىنى ئۈزۈپ، نام-شۆھرىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئەي ئەلنىڭ باشپاناھى ئېلىگ، يوقىرىقىلاردىنمۇ مۇھىمراق يەنە بىر سۆزۈم بار ئىدى. ئەگەر ئىجازەت بەرسەڭ سۆزلەي. ئەگەر ئاڭلاشنى خالىمىساڭ كۆڭلۈمدە يوشۇرۇن قېلىۋەرسۇن.
— ئەي ئاقىل ئوغلۇم، دەيدىغان يەنە قانداق سۆزۈڭ بار، گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن. بىلىمدە دېڭىزشەن، ئەقىلدە دەريا. ھەر
قانداق سۆزنى سەندىن ئاڭلاش پايدىلىق، — دەپ ئىجازەت بەردى كۆنتۇغدى ئېلىگ.
— ئالىملىرى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم ئىلىگدىن كېلىدۇ، — دەپ مەقسىتنى بايان قىلدى ئۆگدۈلمىش، — يۇقىرىدا تەلەپكە ئاساسەن مۇھىم خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق خىزمەت قىلىشلىرى كېرەكلىكىنى، ئۆلارنىك بورچى ۋە مەجبۇرىيىتىنى سۆزلەپ بەردىم. بەگمو خىزمەتچى قۇللارنى بىلىشى ھەم ئۆلارنىك كۆرسەتكەن ئەجىرىگە مۇناسىپ ئېھسانلارنى قىلىشى لازىم. قۇللارنىڭ ئۈستىدە بەگلەرنىك شۇنچىلىك ھەققى بولغان يەردە، بەگنىك ئۈستىدە قۇللارنىك ھەققى يوقمۇ؟ قۇللار خىزمەت بىلەن بېگنىك ھەققىنى ئۆتىگەن بولسا، بەگلەرمۇ ئۆلارنىك خىزمىتىگە يارىشا ھەققىنى ئۆتىشى كېرەك. مال-دۇنيا تىلىكىدە خىزمەت قىلغان خىزمەتچىگە تېگىشلىك ھەق بېرىلمىسە زورلۇق بولۇپ قالىدۇ.
— قېنى سۆزلىرىڭنى ماڭا ئوچۇق ئېيتقىن، بىرمۇبىر يېشىپ سۆزلىگىن، خىزمەتچىلەرنىڭ مېنىك ئۈستۈمدىكى ھەققى نېمە؟ — دېدى ئېلىگ.
ئۆگدۈلمىش پاراسەت مەشئىلى بىلەن كۆنتۇغدى ئېلىگنىك دىققەت-ئېتىبارىنى خىزمەتچىلەر ئۈستىگە مۇنداق چېگدى.