خىزمەتچىلەرنىڭ بەگلەر زىممسىدىكى ھەققى ئۈستىدە ئۆگدۈلمىشنىڭ تىلىدىن روشەنلىك قوياشنى تۇغدۇرغانلىقى
— ئەي زېمىنغا كۈندەك يورۇغان ئىلىگ، — دەپ سۆز باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — خىزمەتچىلەرنىڭ زىممسىدە بەگلەرنىڭ ھەققى بولغانغا ئوخشاش، بەگلەرنىڭ زىممسىدىمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئەجىر ھەققى بولىدۇ. بەگلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ جايدىن چىقىش تولىمۇ مۇشەققەتلىك ۋە ئېغىر ئىش. بەگلەر بۇنى بىلىپ، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشى، كېتەرلىك لازىمەتلىكلىرىنى ۋە قورال-جابدۇقلىرىنى تەق قىلىشى لازىمدۇر، شۇندىلا خىزمەتچىلەر تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بەگلەرگە تەسەددۇق قىلىدۇ، قوللارمۇ بېگىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن تەق بولىدۇ. ئۇلار ئىسسىق-سوغۇق، ئاچ-توق، يايىق ھەم يېلىك دېمەي بېگىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ، بېگى ئۈچۈن ئالدىغا ھەم ئارقىغا، ئوڭ ۋە سولغا چاپىدۇ، بەزىدە قىلىچ-پالتا يەيدۇ، بەزىدە ئوق يەيدۇ، بېگىنىڭ راھىتى ئۈچۈن تارتىمىغان مۇشەققەتى قالمايدۇ. ئۇلار بېگىنىڭ دۈشمەنلىرى ئالدىغا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، بېگىنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ، شۇ تەرىقىدە مۇشەققەت چېكىپ بېگىنىڭ شادلىقى ئۈچۈن تۈننى كۈنگە ئۇلايدۇ. بەگ خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ ئەجىر-قەدرىنى بىلىشى،
ھەققىنى ئۆتۈشى، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشى لازىمدۇر. ئەل ئىچىدىن تاللانغان ۋە ئادەملەرنىڭ بېشى بولغان ئۈچ ئوردا خانى بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن: ئەي خەلقنىڭ ئۇلۇغى بولغان بەگ، خىزمەتچى قۇللىرىڭنى ئېتوارلاپ ئۆستۈرگىن. بەگنىڭ قولى شۇلار ئارقىلىق ئۆزىرىدۇ، قۇدرەت تېپىپ ئەلنى تۈزەيدۇ. بەگ ئەسلى ھەر قانچە بۈيۈك، تۇلۇغ بولسىمۇ، ئونىڭ نامى يەنىلا خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق بۈيۈكلۈك تاپىدۇ.
ئادالەت، مۆرۈۋۋەت ھەققى ئادىمىيلىكتۇر، ئو ھەم كىشى ئۈچۈن تەۋپىقتۇر. كىشىگە ئەگىشىپ تۈشلۈك ھەقنى بېرىش، ئولارنى ئېزىزلاشنىڭ ئۆزى مۆرۈۋۋەت ھەم تەۋپىقتۇر. خىزمەتچىلەر بەگنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ ئۆمىدىنى باغلاپ تۇرىدۇ، بەگ ئونى ئۆمىدسىزلەندۈرسە مۆرۈۋۋەتنى يوقاتقان بولىدۇ. بەگلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ قانچىسى ياراملىق، قانچىسى يارامسىزلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇشى، ياراملىقلىرىغا تۆھپىسىگە تۈشلۈك ئېھسانلار قىلىشى، ئەگىشىپ قاراپ تېگىشلىك ھەقنى بېرىشى كېرەك. ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى توغرا قىياس قىلغاندا، ھەر ئىش ئۆز ئۆلچىمىدە بولىدۇ. ئادەممۇ ئاۋۋال ھايۋاننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئاندىن ئۆنىدىن پايدىلىنىدۇغۇ ؟ ! ئادەم ھەرگىز ھايۋاندىن تۆۋەن ئەمەس. بەگلەر خىزمەتچىلىرىگە ياخشى سۆز بىلەن ئېھسانلارنى قىلىپ تۇرسا، خىزمەتچىلەر بەگكە ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ، بەگكە بولغان ھۆرمىتى ۋە ساداقىتى ئاشىدۇ، بەگنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جاپا چېكىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ. بىر زېرەك ئالىم بۇ سۆزگە مۇناسىپ كېلىدىغان مۇنداق بىر گەپنى دېگەن: «ئادەم بىراۋنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن جىنىنى ئاتايدۇ، بىر ياخشىلىق ئۈچۈن ئون ياخشىلىق قايتۇرىدۇ. ئونىڭ ئۈچۈن ھەر قانچە مۇشەققەتكىمۇ تەييار تۇرىدۇ.» شۇڭا، قىلغان ئىشىغا قاراپ ياخشى ئېھسانلار
بەرگۈلۈك، ئۈچىسى يېلىك بولسا كىيىندۈرۈپ، ئاچ بولسا تويدۇرغۇلۇق. ھەي قۇتلۇق بىلىگ، بەگ بولغۇچى تاۋام قوللىرىدىن نامراتلىق نامىنى يۇيۇۋەتەلمىسە، ئۇنى قانداقمۇ بەگ دېگىلى بولىدۇ؟ مۇيسىپىت كىشىلەر شۇڭا مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى بىراۋغا ياخشىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا جاۋابەن ئادىمىتچىلىكنى ياندۇرغۇلۇق. ئەقىدىنى بىلمىگەن كىشىنى ئادەم دېمەي، ھايۋان قاتارىغا قويغۇلۇق.» بۇ سۆز يىگىتلەر ئۈچۈن كۆزدۇر.
خىزمەتچى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئەركىن، ھۆر خىزمەتچى، يەنە بىرى، قۇل خىزمەتچىدۇر. قۇل ئەركىنسىز خىزمەتكاردۇركى، خىزمەتنى ئاقساتسا، بېگىدىن قامچا يەيدۇ. ھۆر ئادەم بولسا ئۆزىنى قۇل قىلىپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەجرىنى بىلىپ قەدىرلىشىكە ئەرزىيدۇ. ھۆر كىشىنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقنىڭ قۇلۇدۇر، ئۇلارغا ياخشىلىق يولىنى ئېچىپ بەرگۈلۈك. ھۆر بىلەن قۇلنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. ھۆرىنى ھۆرمە، قۇلنى قۇلچە تۇتقۇلۇق. بەگلەرنىڭ ئىشكى راھەت ئىشكىدۇركى، ئىشىكىنىڭ ئۇلارنى ئىشلىتىشى ئۆزۈنگە پايدىسى ئۈچۈندۇر. خىزمەتچىلەر بېيىسا بەگ نام قازىنىدۇ، بۇ نام دۇئا بىلەن مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ئالىملىرى، بەگ بىلەن خىزمەتچى مىسالى ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىغا ئوخشايدۇ. ساتقۇچىنىڭ ئالغۇچىغا بەرگەن مېلى پايدىغا سالغان دەسمىيىسدۇر. ئالغۇچى ئۇنى ئېلىپ ئەل ئىچىدە ئايلاندۇرىدۇ. كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈشى بىلەن پايدىمۇ توپلىنىدۇ، كېيىن پايدىنى يۈز تۇرانە بۆلۈشىدۇ. خىزمەتچى كىشىمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھېسابى بېگى بىلەن ئورتاق. بېگى چىرايلىق سۆز بىلەن قولىغا مال بېرىدۇ، خىزمەتچى قول جان پىدالىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ. خىزمەتچى جېنىنى پىدا قىلىپ قىلىچ ئۇرۇيدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى ئەل، كەنەت، قىشلاقلارغا كېلىدۇ. ئۇلار دۈشمەن
175
بوينىنى ئۈزۈپ، خەزىنە توپلايدۇ، شۇلار بىلەن كۆتكەن ئارزۇ-تىلەكلەر ۋە نېمەتلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا تەگكەن پايدىغا ھېساب. بۇنداق پايدا كەلتۈرگۈچىلەرنى قەدىرلىگۈلۈك. بېگىم، مال-دۇنيا تىلەپ جاھان كەزگەن كاتتا سودىگەرلەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قارا: «نېپى بېرىدىغان قول، نەپ بەرمەس ئوغۇلدىن ياخشى. پايدىسىز ئوغۇلنى دۈشمەن ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن ئاگاھ بول.» جاھاندىكى مۇشۇنداق يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى پايدا قوغلىشىپ يۈرىدۇ، ئەگەر پايدىنى دېمىسە ئۆزىمۇ ئۆيىدە قېرىيدۇ.
ھەربىي قوشۇن بەگنىڭ قانات-قۇيرۇقىدۇر. ئەي بەگلەر بېگى، قوش قاناتسىز بولسا ئۇچالمايدۇ. بەگلەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەربىي قوشۇنى ۋە خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بەگلەر شۇلارغا تايىنىپ چىگىش تۈگۈنلەرنى يېشىدۇ. قايسى بەگ ئەتراپىغا جەسۇر ئوغلانلارنى توپلىيالمىسا، ئۇ بۇ دۇنيانىڭ ساھىبقىرانىغا ئايلىنالمايدۇ. قايسى بەگ ئۆزىدە يۈكسەك پەزىلەتلەرنى جەم قىلغان بولسا، قانداق تىلەك-ئارزۇسى بولسا تەل بولىدۇ. جاھانگىر تۈمەن مىڭ پەزىلەتلەرنىڭ ساھىبى بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ دۇنيانى تەسەررۇپىغا ئالالايدۇ. پەزىلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئاددىي چاغلىماي ئۆگىنىگۈلۈك. پەزىلەت گۇيا ئاق قوشۇننىڭ ئۇچۇشىغا ئوخشاش ئىشلىرىڭنى راۋان قىلىدۇ. پەزىلەتنىڭ خاسىيىتى ئاق قوشۇننىڭ ئىقبالىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، پەزىلەتنىڭ نامىنى قوش دەپ ئاتىغۇلۇق. ئوزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئاق باشلىق كىشىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قارا: بىلىم بىلەن پەزىلەتنى قىممەتلىك بىلىپ ئۆگەنگىن، ئۇمۇ سېنى ئاخىرى قەدىرلىك قىلىدۇ. بىلىم ئۆگەن، ئەقىل تاپ، بىكار يۈرمىگىن، پېيىتى كەلگەندە ئۇمۇ ساڭا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ يۇقىرىقى تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن سۆيۈندى ۋە شۇنداق دېدى:
— ئەي ئەقىللىق، ئەسلى ئېرىغ ئوغۇل، ئادەمىلىكنىڭ تولۇنى تولىمۇ ئوبدان قۇردۇڭ. ئۇ ھەقىقەتەن چىن ۋاپادار كىشىلەرنىڭ يولىدۇر. مەن خەلقنىڭ ھۆكۈمرانى بولدۇم. قولۇم ئۇزۇن، تىلىم ئۆتكۈر بولدى. ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ھاياتى ۋە خاتىرجەملىكىنى دەپ، بۇ بەگلىكىم ئۈچۈن مەغرۇرلانمايمەن. ئۈمىدىم شۇكى، ھۆزۈرۈمگە كەلگۈچىلەر مېنىڭ بىلەن بېيىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ كۈچى زورايسۇن. مېنىڭ شادلىقىم تاشنا پايدىدا، ماڭا ياخشى نامىم ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئۆزى كۇپايە. بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە خەزىنەڭ ھەممىسىنى ئەسكەر، خادىملارغا ئۈلەشتۈرۈش ئۈچۈن توپلىدىم. قۇتلۇق دۇئالارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئاللانىڭ نامىنى جاھانغا تارىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل مال-دۇنيايىمنى كىشىلەرگە بەرگىمەن. تىلىكىم، مەندىن كېيىن قالغۇچىلار، ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلار بېيىسۇن. مەن بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كەتسەممۇ خەلقىم يەنىلا ياشايدۇ. شۇڭا، دۇئا بىلەن مېنى ياد ئېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ جاۋابىدىن كېيىن ئۆگدۈلمىش يەنە مۇنداق دېدى:
— ئالىيلىرى، بۇ ئىشقا ئەقىل ۋە بىلىمنى تولۇق ئىشلەتتىڭىز. ئۆلىدىغان جانغا ياخشى نام قالدۇرۇشتىن باشقا يەنە نېمە بار؟ كىشى بۇ دۇنيانىڭ ھەۋىسىدە بولسىمۇ كۈمۈش ئۈلەشتۈرگۈدەك، بۇنىڭ ئۆزى ئۇ دۇنيادىكى قۇتۇلۇش يولىغىمۇ كۆۋرۈك. ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئايىماي تارقاتساڭ قايسى ئەلنى خالىساڭ قولۇڭغا يېتىدۇ. دانىشمەن بەگلەر بەگلىك ئىشىغا ئۇل سېلىپ دېگەندەك: بەگلەر مال-دۇنياسىنى ئۈلەشتۈرۈپ
177
ئەسكەر-خىزمەتچىلەرنى كۆپ توپلىسا، خالىغان چاغدا دۈشمەن ئېلىنى تارتىپ ئالالايدۇ. خەزىنە توپلاشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! ئەسكەر-خىزمەتچىلەرنى كۆپەيتىش كېرەك، بەگنىڭ باي بولۇشى زورۇر ئەمەس، خەلقنى تويۇندۇرۇش پەرزدۇر. ئەسكىرى قوشۇنى بولغان بەگكە ئەل ئاز ئەمەس، ئەسكىرى قوشۇنى بولمىغان بەگ ئوزۇن ھۆكۈم سۆرەلمەس. ئەسكەر ۋە خىزمەتچى-خادىملار بېگىدىن مەمنۇن بولغاندىلا، بەگ خالىغان ئەلنى قولىغا ئالالايدۇ. دۇنيا بەگلەرنىڭ قولى ئوچۇق بولىدىكەن، ئۇ ھەر ئىككى دۇنيانىڭ تۆرىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا بىلىملىكلەر شۇنداق دېگەن: بەگ خېسىسلىق بىلەن ئەلگە ھاكىملىق قىلالمايدۇ. ئىككى نەرسە بىر-بىرىگە يېغى بولۇپ، ھەرگىز قوۋۇشماي قاچىدۇ. بارلىق پېزىلەتلىك كىشىلەر خېسىسقا يېقىنلاشمايدۇ، سېخىنى قوغلىشىدۇ. سېخىينىڭ ئەتراپىغا ئويۇشۇپ، مۇرام-مەقسەتكە يېتىدۇ. خېسىسلىق بەگلىكنىڭ دۈشمىنى، بېخىل بەگكە ھەر جايدىن ئىسيان قوپىدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا ساپ ئالتۇن بىلەن قىلىچ ئەلنى تۇتۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر، سېخىيلىق بىلەن بەگ يۈكسىلىدۇ، ئەل مۇستەھكەملىكىمۇ سېخىيلىق بىلەن بولىدۇ. باتۇر ئەرلەر چاقماقتەك قىلىچ ئوينەتسا، ئەييىقەتتەك ھەيۋەتلىك باتۇرلارنىڭمۇ جان تومۇرى ئۈزۈلىدۇ. بەگلەر ساپ ئالتۇنلىرىنى ئۈلەشتۈرۈپ قولنى قاپارتسا، قورال ئىشلەتمەي سۆز بىلەنلا ئېلىنى چۆرگىلىتىدۇ. ساپ ئالتۇن تۆرۈلگەن قاپاقلارنى ئاچىدۇ، بۇزۇلغان ئىشلارنى ئوڭشايدۇ. قىلىچ قەيەردە بولسا، كۈمۈشمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كۈمۈش نەدە بولسا قىلىچمۇ شۇ تامان يول ئالىدۇ. كۈمۈش چاچساڭ يىگىتلەرنى توپلايسەن. كۈمۈشنى يىغىۋالساڭ قىلىچ تۇتقان باتۇرلارنى تېزىتىسەن. قىلىچ تۇتقان باتۇر ئەرلەر كۈمۈشنىڭ تۇتقۇنى، توپلانغان ساپ ئالتۇنلەرنىڭ قوراللىقلارغا ئاتا قىلىنسۇن. بېخىل بەگ دۇنيا توپلاپ خەزىنە تولدۇرىدۇ، سېخى
178
بەگ قىلىچ بىلەن ئو بايلىقلارنى تارتىۋالىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ئۆزگەرمەس مىزانى شۇكى، سەخىيلەر ماختىلىدۇ، بېخىللار سۆكۈلىدۇ.
ئۆگدۈلمىش سۆزنى تۈگىتىپ، يەرگە باش قويدى ۋە ئاللاھتىن ئىلىككە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.
ئىلىك ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، شادلىقتا قولىنى كۆتۈرۈپ، خۇداغا ئىلتىجا قىلدى: ئەي مېھرىبانىم، ئىشەنجىم ئىگەم، مۇشكۈللۈككە يولۇققۇنۇمدا باشپاناەىم، مېنىڭ سەندىن باشقا يۆلەنچۈكۈم يوق. يۆلەنجىممو سەن، ئۈمىدىممۇ سەندە، سېنىڭ ماڭا قىلمىغان نىمە ياخشىلىقىڭ قالدى، مېنى مۆيەسسەر قىلمىغان قايسى ئارزۇلىرىم قالدى؟! ئەي مەڭگۈ مۇھتاجسىز ئىگەم، مەن ساڭا مەڭگۈ ھاجەتمەن، سەندىنلا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە مەدەت تىلەيمەن. مېنى ئۆزۈڭ يۆلەپ توغرا يولغا سالغايسەن. ماڭا ئاتا قىلغان بارلىق ئىنايەتلىرىڭدىنمۇ زىيادە بولغىنى ئۆگدۈلمىشنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىپ كۆڭلۈمنى توق قىلغىنىڭدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن يۈز مىڭ قېتىم شۈكۈر قىلساممۇ ئەرزىيدۇ. بۇ مېنىڭ ئىشلىرىمغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇ ۋە جان-تېنىنى پىدا قىلدى. بۇ ئۆتكۈنچى ئۆمرۈمدە مەن ئۈچۈن دۇئانى ئارتقۇزدى. ئەمدى ماڭا ئۇنىڭ ھەققىنى ئۆتەش ئۈچۈن مەدەت بەرگىن، ئۆنى مەندىن سۆيۈندۈرگىن ۋە كۆڭلىنى ماڭا تېخىمۇ يېقىن قىلغىن.
كۆنتۇغدى ئىلىك ئىلتىجادىن كېيىن ئۆگدۈلمىشكە يەنە مۇنداق دېدى:
— ئەي ئۆگدۈلمىش، ئەقىللىق، بىلىملىكلەر سېنى ماختايدۇ. ئەقىللىقنى ئىزدەگەنگە پۈتۈنسەن، بىلىملىكنى تىلىگەنگە كامىلسەن، ئىشەنچلىك، ساداقەتمەن ھەم ھېلىمىسەن. قولۇڭنى دۇرۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلەتتىڭ، كۆرسەتكەن خىزمىتىڭ مېنىڭ ساڭا قىلغان ئېھسانىمدىن ئېشىپ كەتتى. سەن قىلمىغان ھېچقانداق خىزمەت قالمىدى. ئەمدى مەن ساڭا ياخشى
179
جاواب قايتورمىقۇم لازىم، بەخىرامان ياشىشىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئۆتۈمىكىم شەرت. ئەي ئوغلۇم، مېنىڭ كۆڭلۈم سەندىن قانداق سۆيۈنگەن بولسا، خۇدا ساڭمۇ شۇنداق سۆيۈنچە بەرسۇن. كۈنتۇغدى ئېلىگ سۆزىنى توختىتىپ، بىردەم سۈكۈتتە تۇردى. ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېلىگكە ئېگىلىپ خوشلاشقانلىقتىن بېشارەت بېرىپ، مەمنۇنىيەت بىلەن ئونىڭ قېشىدىن يېنىپ چىقتى. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئېتىنى مىندى-دە، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
ئۆگدۈلمىش تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. ئۇ كېچە-كۈندۈز ئېرىنماي خىزمەتكە بېرىلىپ كەتتى. ئونىڭ نەتىجىلىك خىزمىتى ئۆزىگە بەخت ئىشىكىنى ئاچتى. ئونىڭ ئەقلى تېخىمۇ يورۇپ، بىلىمى قويۇقلاشتى، قولى ئۇزاردى، پەلەك چاقىمۇ ئونىڭ بېشىدا چۆرگىلىگىلى تۇردى. بەختى ئېچىلىپ كۈنلىرى قۇتلۇق بولغان، ئەلدە نام چىقىرىپ مەشھۇر ئاتالغان بىر كىشى: «بۇ دۆلەت كېلىپ كىمگە ياراشسا، ئۇنى كۆتۈرۈپ بېشىنى كۆككە تاقاشتۇرۇدۇ. دۆلەت يۈز ئۆرۈپ مال-دۇنيا توپلانسا، كۆڭلى يايرار مەڭزى قىزارىدۇ» دېگەن. بىر ئاقساقالنىڭ بۇ خۇسۇستا ئېيتقان يەنە بىر سۆزى يادىمدا، ئۇ: «بەخت قۇشى كىمنىڭ بېشىدا بولسا قولى ئۇزۇن بولىدۇ، تەرتۇر ئىشلىرى ئوڭغا تارتىپ، قىلغان سۆزلىرىمۇ دانىشمەنلىككە يۈرىدۇ. مال-دۇنياسى يوق پەيلاسوپ ھەر قانچە سۆزىمەن بولسىمۇ تىلى كېكەچلىنىدۇ» دېگەن. دۇنيانىڭ قانۇنى شۇنداق ئىكەن، بۇ بىۋاپا دۇنيادا دۆلەتنىڭ شۆھرىتى شۇنداق زور ئىكەن. ئۇ دۆلەت بىر ئەكسەنگە يۈزلەنسە، ئۇ يۈز تاپىدىكەن، كىچىككە كۆز باقسا بۈيۈكلۈككە يېتىدىكەن. دۆلەت كىمگە نېسىپ بولسا ئونىڭ ئىچى-تىشىنى…
بېزەيدىكەن، بارچە ئىشلىرىنى تۈزەيدىكەن. دۆلەت كەلسە ئادەم پۈتۈن ئارزۇسىغا قانىدۇ، داڭقى چىقىپ، نامى دۇنياغا تارىيدۇ. ئەگەر ئۇ قاچسا، جىمى بەختىنى تارتىپ كېتىدۇ، كۆتۈرۈلگەن باشنى تۆۋەن يەرگە پاتۇرىدۇ.
ئەي ئويغاق، ئەقىل-ھوشى جايىدا ئەر، بۇ ۋاپاسىز دۇنيانى ئونچە سۆيمە، بالاغا مۇپتىلا بولىسەن. بۇ قاراڭغۇ زۇلمەت تۈنۈڭنىڭ نېمە لازىمى؟! يورۇق، مەڭگۈلۈك ئۆتەڭگە بالدۇرراق ھازىرلان، بۇ قونالغۇ دۇنيادىن كۆڭلۈڭنى ئۈز، يۈكسەك ئوردىلىق مەڭگۈلۈك ئەلنى تېپىپ، تىنچ-ئاسايىشلىققا ئېرىشىشنىڭ كويىدا بول. ھەر ئىشتا كۆڭلى تۈزۈك بىر كىشى شۇنداق تەۋسىيە قىلغان: ئەي ھىمـمەت ئىگىسى، ھەقىقىي مەئىشەت دۇنياسىنى ئىزدە، ئۇنى ئىزدەگۈچى تولۇق بەختنى تاپىدۇ. قوي بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيانى، باقىي دۇنيانى ئىزدە. سەن بۇ دۇنيانى تاشلىمىساڭ، ئۇ سېنى تاشلايدۇ. بۇ جاپاكار دۇنياغا جاپا بىلەن تاقابىل تۇر. ئۇنىڭغا قانچە جاپا قىلساڭ ئاندىن ساڭا باقىدۇ. ئەي يولدىن ئازغان، بېشى قايغان كىشى، بۇ دۇنياغا كۆڭۈل باغلىـما، ئۇ تۆۋى يوق پاتقاقلىققا ئوخشايدۇ. پاتقاقلىققا كىرگۈچى بارغانچە پېتىپ كېتىدۇ، شادلىققىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ ھەم ئۇ پاتقاقلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئۆزۈڭنى ئۇ پاتقاقتىن نېرى تۇتساڭ قۇتۇلىسەن، قۇللۇقۇڭنى ئىبادەت بىلەن ئادا قىلساڭ نۇرلىنىسەن. ئەي يۈسۈپ، ئەمدى يۈزلىرىڭنى ئاللاھقا قاراتقىن، تىلەكلىرىڭنى ئۇ بېرىدۇ. سۆزۈڭ تۈگەپ قالدى، تىلىڭنى كېيىنكى مەنزىلگە قاراتقىن.
* * *
كۆنتۇغدى ئەلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ شۇ قېتىمقى خاسىيەتلىك سۆھبىتىدىن كېيىن، ئەلىگ كۆڭلى تېخىـمـۇ
رۇسلاپ، خەلققە ياخشى قانۇنلارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى، خەلق ئاسايىشلىققا چۆمدى، ئورۇقلار سەمىرىدى. ئۇنى ھىمايە قىلغانلار يۈكسەلدى، دۈشمەنلەشكەنلەر زەئىپلەشتى. خەلقنىڭ كۆڭلى شاد-خوراملىق ۋە ئاسايىشلىقتا ئۆتۈشكە باشلىدى، ئېلىنىڭ نام-شۆھرىتى ئالەمگە مەشھۇر بولدى. ئېلىگ شو يوسۇندا ياشاپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئېلىدە قوزا بىلەن بۆرە ئېناق ئۆتىدىغان زامان بولغان ئىدى.
* * *
كۈنتۇغدى ئېلىگ دۆلىتىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بەند بولۇپ، ئۆگدۈلمىش بىلەن سىرداشقىلى خېلى كۈنلەر بولغان ئىدى. بىرئاز ئارامغا چۈشكەن ئېلىگ بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئۆگدۈلمىشنى ياد ئەتتى ۋە ئۇنى ھۇزۇرىغا چاقىرتتۇردى. ئۆگدۈلمىش دەرھال كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇپ، قول باغلاپ سالام قىلدى. ئۇ ئېلىگدىن ھال-ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەمىرىنى كۈتۈپ ئۆرە تۇردى. ئېلىگ ئۆگدۈلمىشتىن ئەل-يۇرتنىڭ ھالىنى سورىدى:
— كۆڭۈلۈڭ قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ ئەلدە كەمبەغەللەر كۆپمۇ، بايلارىمۇ؟ ئەل ئىچىدە قانداق يارامسىز يامان ئىشلار بار، خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ماڭا يوشۇرماي ئېيتىقىن. خەلقنىڭ ئېغىزىدا قانداق گەپ-سۆزلەر بار، ماختاش كۆپمۇ ياكى سۆكۈشمۇ؟ ئەلنىڭ نەزىرىدە قوپۇرۇم كۆپرەكمۇ، پەزىلەتلىرىممۇ؟ قېنى بۇلار ھەققىدە مېنى ۋاقىپلاندۇرغىن. سۆزلىرىڭگە قاراپ مۇناسىپ تەدبىرىنى كۆرەي.
— ئالىيلىرى، ئەل-يۇرت تىلەكرىگە ئېرىشتى، — دېدى ئۆگدۈلمىش ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، — دۆلىتىڭىزدە جاھان تۈزەلدى، قايغۇ-ئەندىشىلەر قىسقىراپ، شاد-خوراملىق ئۆزىرىدى،
خەلق بېيىپ خاتىرجەمىلكتە ياشىماقتا. شەھەر-كەنتلەر كۆڭۈلنى زوقلاندۇرغىدەك بېزەندى. خەلقنىڭ كۈنلىرى ھۇزۇر-ھالاۋەتتە، تۈنلىرى تىنچ-پارارەتتە ئۆتمەكتە. بارچىنىڭ تىلىدا سېنىڭ ياخشى نامىڭ يادلانماقتا، نەپەس ئالغۇچىلار تىنىماي ساڭا دۇئا ياغدۇرماقتا. ئادالەتلىك قانۇن سوغا ئوخشايدۇ. زۇلۇم — ئاپەت كەلتۈرگۈچى ئوتتۇر. ئاۋامغا سۆزۈك سۇلىرىڭنى ئېقىتتۇق، شۇڭا زۇلۇم ئوتلىرى ئۆچتى. توغرا قانۇننى يولغا قويغانلىقىڭ ئۈچۈن جاھان تۈزەلدى. ئەمدى ئەلدە ھېچكىم زۇلۇم كۆرمەيدۇ. ئالىملىرى، ئەلدە ئۈچ ئىشتىن زۇلۇم-زورلۇق تۇغۇلىدۇ. بىرى، بەگ غاپىل بولسا، ئىككىنچى، ئەلنى يېتەكلەنگۈچى بوشاق بولسا، ئۈچىنچى، بەگ ئاچ كۆز بولسا. بۇنداق بەگ خەلقنىڭ جىگەر-باغرنى يەيدۇ، ئەلگە ئاپەت ياغدۇرىدۇ. سەندە بۇ ئۈچ ئەيىبنىڭ بىرە رسمۇ يوق تۇرسا، قانداق ئەمر ئەلگە زورلۇق ئىشلىتەلەيدۇ؟! خۇدا ساڭا پەزىلەت بىلەن ئەقىل ۋە بىلىم ئاتا قىلدى، ياخشىلىق قىلىشتا تەۋپىققا مۇيەسسەر بولدۇك. خەلقنىڭ قارنى توق، ئۈستى پۈتۈن بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ سۆيۈنۈپ ئىبادەت قىل، بىر قانچە زامان ھۇزۇر-ھالاۋەت ئىچىدە شاد-خورام كۈل. سىرتتا قانداق يېڭىلىشىش، گۇناھ سادىر بولغىدەك بولسا، مانا مەندەك يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىڭنى بېجىرگۈچى قۇلۇڭ ھەر قاچان تەييار.
— ئەي ئۇلۇغ رەھىملىك ئىگەم، — دەپ خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، شۈكۈرگە قول كۆتۈردى ئىلىگ، — مەن ئاجىز بەندەڭنى ئەل ئىچىدە بۈيۈك قىلدىڭ. ماڭا شۇنچە ياخشىلىقلارنى نېسىپ قىلدىڭ. بۇنىڭ شۈكۈرىنى ئادا قىلىش بوينۇمدىكى ئېغىر قەرزدۇر، ئەمما بۇنى ئادا قىلىشقا قانداقمۇ قۇربىم يەتسۈن؟! شۈكۈرۈمنى ئۆتۈشكە ئۆزۈڭلا قادىرسەن.
ئىلىگ يۈزىنى ئۆگدۈلمىشكە قارىتىپ ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇنداق ئىزھار قىلدى:
— ئە ي ئۆكدۈلمىش ساڭا ئېرىشكە نلىكيم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئە ك چوك رە ەميتي، سە ن پۈتۈن ياخشىلىقلارىمغا، قانۇن تۇرغۇزۇشۇمغا، زوراۋانلىقنى تىندۇرۇشۇمغا سەۋەب بولدۇڭ. خۇدا ماڭا ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغان ئىدى، سېنى ماڭا بۇيرۇغانلىقى ئونىگدين مىڭ ھەسسە زييادە مەرەەمىتي بولدى. بەگ ئۆزي يالغۇز ەەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ خىزمەتچىلىرى يار-يۆلەكتە بولمىسا، ئىشلىرى ئىلگىرى باسمايدۇ. بەگ پەقەت ئوردا ئىچىنىلا كۆزىتىپ تۇرالايدۇ. ئوردا سىرتىدىكى ئىشلارنى كۆرگۈچى سادىق قولدۇركى، ئۇ بەگنىڭ كۆزى ھەم سۆزىدۇر. سەن مېنىڭ كۆزۈم، سۆزۈم ھەم قولۇمسەن، شۇڭا نامىممۇ ياخشى بولدى. دۇنيانى يېتەكلەپ، جاھاننى ئىدارە قىلغان خاقانلارنىك نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سالغىن: بەگلەر ساداقەتمەن بىر خىزمەتچىگە ئېرىشسە، ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ئونى رازى قىلىپ تۇتقۇلۇق. بەگلەر ئىشەنچلىك، سەمىمى، توغرا كىشىنى تاپالىسا، ئۆزى خاتىرجەملىكتە ئېرىشىپ بەختلىك ياشايدۇ. خىزمەتچىنىڭ سە رخىلى ساداقەتمەن بولىدۇ، ئونداق ساداقەتمەن خىزمەتچىنى كىممۇ تاپالايدۇ، دۇنيادا ئاشۇنداق سادىق كىشىلەر بولمىغاندا، كىشىلىك قانداقمۇ ئادەمىيلىك مەقامىغا يېتەلەيتتى؟
ئە ي ئۆكدۈلمىش، بىر ئىشقا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىشتا ئۆتمەكتىمەن. ئاتاڭدىن ماڭا سەنلا يالغۇز قالغانىدىڭ. ساڭا ئوخشاش يەنە بىرەرىسى بولسا ئىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولسىمۇ بۇ ئىزنى باسقان بولاتتى. ئە ي ئۆز قىلىقلىق ئوغلۇم، سەن ماڭا يالغۇزلا، مۇبادا سېنى يوقىتىپ قويسام، يەنە بىرى نەدە. سېنىك يالغۇزلۇقۇڭدين خىجىللىق ھېس قىلىمەن. يەنە بىر ھەمراھىڭ بولسا ئىدى كاشكى، جاپايىڭمۇ بىرئاز يېنىكلىگەن بولاتتى، مېنىمۇ دۇنيادىن كۆپرەك ئۆلۈش تېگەتى. سەن قېرىنداشلىرىك ئارىسىدىن ئىزدەپ باققان، ساڭا ياندىشالايدىغان بىرەرسى چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
184
— ئەي ئېلىگ ئاتا، باش ئېسەن بولسا بۇ ئىشقىمۇ قولۇڭ يېتىپ قالار، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش، — خاتىرجەم بول، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئىچىدە ئارزۇيۇڭغا قانغايسەن. مېنىڭ تارتقان جاپايىم ئۈچۈن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلماي توق تۇتقىن. ماڭا جاپا يەتكەن بولسا راھەتمۇ كېلىدۇ. مېھنەت بىلەن راھەت ھەم دائىم ياندىشىپ يۈرىدۇ. خىيالىڭ ئەل ئىشىغا پايدىلىق يەنە بىرەر ياردەمچى تېپىشتا بولسا، قېرىندىشىم ئارىسىدا سەن ئارزۇ قىلغاندەك بىلىملىك كىشىلەر ئاز ئەمەس. دېگەنلىرىڭ ئورۇنلۇق، ئەل ئىشىدا پايدىلىق، زېرەك كىشىلەر كۆپرەك بولسا، بەگنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ روناق تاپىدۇ. شۇڭا دانا ھېكمەتلەر: «ياردەمچىلەرنىڭ ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ يەنىلا ئازدە، شۇندىلا ئەل راۋاج تاپىدۇ، ئۆزۈڭمۇ خاتىرجەم بولساڭ تېپىسەن، كۈلۈپ-يايراپ يېتىپ يېسەن» دېگەن. ئالىملىرى، قېرىنداشلىرىم ئارىسىدا بىر تەقۋادار زات بار. ئۇ پەزىلەتتە ئۈستۈن، ئويغاق، ئۆزىنى ياخشىلىققا ئاتىغان، ئىش-ھەرىكىتى دۇرۇس كىشى، ئىسمى ئودغۇرمىش. لېكىن، ئۇ بۇ دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، دۇنيا ئىشلىرىدىن كۆڭلىنى ئۈزۈپ، تاغنى ماكان قىلغان. ئۇ گۇناھكارلىق كېسىلىنى ئىبادەت بىلەن شىپا تاپتۇرۇش ئۈچۈن، ئاللانىڭ ئىبادىتى بىلەن مۇشەققەت چېكىمەكتە. ئۇ زات ئادەملەرنىڭ سەھەرخىلى، خەلقنىڭ ئالدىدۇركى، پەزىلەتتە مەندىن يۈز ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ. ئۇ قېرىندىشىم مەن بىلەن بىرگە بولغان بولسا، ئۇنىڭ بىلىمى ھەممە ئىشقا باش بولغان بولاتتى. سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ تىنىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ئەل باشقۇرغان بولاتتىڭ.
— ئەي ئۆگدۈلمىش، مېنىڭ ئارزۇ-تىلىكىممۇ دەل شۇ ئىدى، — دېدى ئېلىگ، — ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىسەم ھەقىقەتەن كۆڭلۈم ئارام تاپاتتى. قانداق ئامال قىلساق قىلىپ، ئۇ قېرىندىشىڭنى قېشىمغا كەلتۈرگىن. قېنى ئېيتقىن، ئۇنى بۇ
185
يەرگە قانداق چاقىرمىقىم لازىم، ئونى دەۋەت قىلىشقا كىمنى ئەۋەتسەك بولار، نامە يېزىپ ئەۋەتسەك كېرىكمۇ ياكى گەپ ئېيتىپ بېرىش لايىقمۇ؟ قايسى مۇۋاپىق بولسا شۇنداق قىلايلى.
ئۆگدۈلمىش ئىلىگكە جاۋابەن مۇنداق دېدى:
— قېرىندىشىمنىڭ بارلىقىنى ئۆزۈم مەلۇم قىلدىم. سەن ئونى چاقىرىشقا ئىجازەت بەردىڭ، لېكىن كېلىش-كەلمەسلىكىگە بىر نىمە دېيەلمەيمەن. ئۆزىنى ئېلىك ئېلىپ كېلىشگو ياخشى گەپ، مۇبادا يارلىقىڭ ئېتىبارسىز قېلىپ كەلمەي قالسا رەنجىپ قالارسەنمۇ، ئۇ دورۇس كىشى بۇ ئىشنى مەندىن كۆرۈپ ئاغرىنىپ قالارمۇ، دەيمەن.
— مەن ساڭا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم. سەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىملىرىڭدىن مېنى خەۋەردار قىلدىڭ، — ئۆگدۈلمىشنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇشقا تىرىشتى ئېلىگ، — مەيلى قانداقلا بولسۇن چاقىرىپ كۆرسەك كېلە، ئەگەر سۆزۈمنى ئېلىك ئالماي كەلمەي قالسا، ئىشقا ئېيىب كېلەرمۇ؟! سەن ماڭا ئونىڭ پەزىلەتلىرىنى تەرىپلەپ بەردىڭ. ئونىڭ بىلىملىك، ئەقىللىقلىقىنى، ھاۋايى-ھەۋەستىن خالى كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭ. شۇڭا مەن ئونى خالاپ قالدىم. بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەر ھەقىقىي كىشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھايۋان قاتارىدا سانىلىدۇ، ئىشنىمۇ ئەقىللىق، بىلىملىكلەر بىلەلىيدۇ. ئىشمۇ يەنە شۇ ئەقىللىق، بىلىملىكلەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئۆتكەنلەرنىڭ مۇنۇ سۆزى شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىلغانكى: «بىلىم ئال، ئەقىل تاپ. پاراسەت بىلەن ياشا، بىلىم بىلەن ئىش قىل. تىلىڭ توغرا بولسۇن، بارلىق چىگىش تۈگۈنلەر بىلىم بىلەن يېشىلىدۇ، ھەر دائىم ئۆگىنىش بىلەن بول، كۆڭلۈڭ بىكارغا ئۆتمىسۇن.» ئەي ئۆگدۈلمىش، ئونىڭ پايدىسى يالغۇزلا ماڭا بولمايدۇ، قېرىندىشىڭدىن ساڭىمۇ پايدا لەززىتى تېگىدۇ. قېرىنداشلىق بولۇش ئۈچۈن قېرىنداش لازىم. ئەگەر قېرىنداش بولمىسا
186
كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن دوست تېپىپ تۇتماق لازىم. شۇڭا ئىلچى كاتتىسى دېگەنكى: قېرىنداشلىق كىشىنىڭ كۈچى ھەممىدىن زور بولىدۇ، قېرىنداشلىق كىشىنىڭ نام-شۆھرىتىمۇ ئۈستۈن بولىدۇ. قېرىندىشىڭ بولمىسا ياخشى دوست تۇت، ياخشى دوستۇڭ بولسا قېرىنداشقا ئوخشاش.
— ئەي بەختلىك ئېلىگ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلساق، ئۇنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلاي، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — يارلىق بەرگىن، ئۆزۈملا باراي، دەۋىتىڭنى ئۇنىڭغا يەتكۈزەي. ئەقىل-پاراسىتىمنى، بىلىمىمنى ئىشقا سېلىپ، تۈرلۈك ياخشى سۆزلەر بىلەن ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشاي. سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن نامە يېزىپ بەرگىن، ئۇ زات ئوقۇپ، ماڭا ئىشەنسۇن، بۇنى مېنىڭ خاھىشىممىكىن دەپ قالمىسۇن. مېنىڭ ھەر قانچە كاپشىپ سۆزلىگىنىمدىن ئېلىگنىڭ يارلىقى پۈتۈلگەن نامە تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. «بەگنىڭ يارلىقى ئادەمنىڭ دىلىنى ئوۋلايدۇ، بەگنىڭ سۆزى چىگىش تۈگۈنلەرنى يۆگلەيدۇ»، دېگەن گەپ بار. بەگلەر قوللىرىغا ئىسسىق مۇئامىلىدە بولسا، قوللار بۇ ئىلتىپاتنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدۇ. بەگلەرنىڭ تىلى يۇمشاق، چۈچۈك بولسا، ئۇنى خەلقىنىڭ ئۇلۇغ-كىچىكلىرىنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ.
— ئىشنىڭ ئامالى شۇنداق بولىدىغانلا بولسا، مەن نامە يېزىپ بېرەي، خېتىم ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرىدىغانلا بولسا مەيلى. ئەگەر سېنىڭ بېرىشىڭنىڭ زۆرۈرىيىتى بولسا، دەرھال ھازىرلىق كۆرگىن، — دەپ ئەمىر قىلدى ئېلىگ.