كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئودغۇرمىشقا نامە يېزىپ ئەۋەتكەنلىكى
كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن دوۋەت، قەغەز-قەلەم كەلتۈرگۈزۈپ، ئۆز ئىشنىڭ غېمىدە ئودغۇرمىشقا نامە يازدى. نامىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«سۆزۈمنى ئايىغۇچى ۋە كۆيۈنگۈچى ئاللانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. ئاللانىڭ نامى ھەر قانداق دەردنىڭ شىپالىق دورىسى. قۇدرىتى چەكسىز پەرۋەردىگارىمغا مىڭ مەرتىۋە مەدھىيىلەرنى ئوقۇيمەنكى، ئۇ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بارلىق جانلىقلارنى ياراتتى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن رىزىق بەردى. ئۇ ھەممىگە قادىر، ئۇنىڭ قانۇن-پەرمانىنىڭ قۇدرىتى بارلىق خەلققە يېتىدۇ. ئۇ زۈمرەتتەك ئاسماندا كۈن بىلەن ئاينى يۈرۈتۈپ، قارا تۈن، يورۇق كۈنلەر ھېسابىغا يىللار ۋە ئايلارنى تەرتىپلىدى. ئۇنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن پەلەك چۆرگىلەيدۇ، مەۋجۇدات سىدىرىلايدۇ. يارىتىشتىن بۇرۇنلا قازا-تەقدىرنى ياراتتى. قازاغا رىزا بول، بويۇن ئەگ. ئۇ نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا قىلدى، نېمە قىلىشنى خالىسا قىلالايدۇ. نېمىگە ئەمىر قىلسا شۇنداق بولدى، نېمە دېسە شۇ بولىدۇ.
ئەمدى مەندىن ساڭا سالام، كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ساڭا نامە يازدىم. ئالدى بىلەن ئېسەنلىكىڭنى سورايمەن. زاماننىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى يۈدۈپ، تېنىڭ ساق-سالامەت ۋە ئامان-ئېسەن تۇرۇۋاتامسەن؟ مەن سېنىڭ دۇنيادا كەم-كەم تېپىلىدىغان
ياخشى خۇلق، پېزىلەتلىرىڭدىن ۋاقىپ بولدۇم. خۇدا ساڭا مېھىر-شەپقەت قىلىپ، شۇنچە ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم-پېزىلەت ئاتا قىپتۇ. ئەي گۈزەل چېھرىلىك دوستۇم، سېنىڭ بۇنداق ياخشى تەربىيەنى ئاڭلاپ، قەلبىمنى ساڭا ئېچىشىش ئارزۇسى ئەگىلىدى. شۇ ۋەجىدىن قېرىندىشىڭنىڭ ئۆگۈتۈلمىشىنى قېشىڭغا ئەۋەتتىم، سۆزۈمنى يەتكۈزسە، ئوقۇپ بىلگەيسەن.
سەن يېقىن قەۋم-قېرىنداشلىرىڭنى تەرىك ئېتىپ، ئەل-يۇرتتىن يۈزۈڭنى ئۆرۈپ، يالغۇز تاغقا چىقىۋېلىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىپسەن. قەۋم-قېرىنداشلار ساڭا نېمە قىلغان؟! ماڭا ئېيت، ئۇلاردىن نېمىشقا باش تارتتىڭ؟ زورلۇق-زومبۇلۇقتىن ئەلەم تارتقان بولساڭ، ماڭا كېلىپ ئېيتقىن. مەن ساڭا كۈچ ۋە ئادالەت بېرەي، خۇشال-خورام شادلىقتا ياشا. دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈپ ئۆتۈشنىڭ پايدىسى كۆپ. ئۇلار بىلەن ئىنساننىڭ كۈنى لەززەتكە تولىدۇ. شۇڭا شائىرلار: «قوڭۇر يەر بىلەن يېشىل سۇ كېلىشىپ ياراشقانلىقى ئۈچۈن زېمىندا مىڭلىغان گۈل-چېچەكلەر كۈلۈپ ئېچىلدى» دېگەن. قەيەردە ئىناقلىق ۋە يېقىنلىق بولسا، شۇ يەردىكى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. دوست-بۇرادەرلەر يارىشىپ ئۆتۈشسە، بۇنىڭدىن دوستلار خۇرسەن بولىدۇ. ئەگەر تائەت-ئىبادەت ئۈچۈنلا تاغقا چىققان بولساڭ، دەرھال قايتىپ چۈشۈپ، ئىبادىتىڭنى شەھەردە قىلساڭمۇ ھەقىقىي دىن يولىنى تۇتقان بولىسەن. يىگانىلىقتا قىلغان ئىبادەتتىن شەھەردە جامائەت بىلەن بىرگە قىلغان ئىبادەتتىكىدەك خاسىيەتلىك بولمايدۇ.
ئىبادەتنى كامالغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپلەپ بىلىم ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىلىمسىزلىكتە قىلغان ئىبادەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئىككى تۈرلۈك ئادەم ھەقىقىي ئادەم ھېسابلىنىدۇ: بىرى، ئۆگىنىگۈچى، يەنە بىرى، ئۆگەتكۈچى.
189
بۇنىڭدىن باشقىسىنى ھايۋان سانساق بولىدۇ، قايسىسىغا تۇرساق ئىختىيارىڭ. قېنى ماڭا ئېيت، سەن قايسىسىغا تۇرسەن، مەيلى قايسىسىغا تۇرساق تۇر، ئۈچىنچىسىدىن يىراق بول. زور مۇشەققەت بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان بولساق، ئەمدى ئۇنى ئەجىر بىلەن جايدا ئىشلەتكىن. ئەگەر ئىلىمدە كەم تەرەپلىرىڭ بولسا، ئاۋۋال بىلىمىڭنى تولۇقلاپ، ئاندىن ئىبادەتكە قەدەم قوي. بىلىملىك، تائەتەن ئۇستازلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: «ئاللانىڭ ئىبادىتىگە بىلىم بىلەن يارغىن، بىلىم دوزاخنىڭ ئىشىكىنى پېچەتلىۋېتەلەيدۇ.»، بىلىپ قىلغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى ئۆرى، بىلىمسىزلىكتە قىلغان ئىبادەتتىن ساۋاب كۈتمە. نادانلىقتا قىلغان ئىبادەتتىن كۆرە، بىلىملىك ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى ئەۋزەل.
سەن «زاھىت» لىق نامىنى يۈدۈپ تاغقا چىقىپ، ئۆزۈڭنى تائەتكە غەرق قىلىپسەن. ئۇ يەردە قىلغان ئىبادىتىڭ بىلەن شەھەر-كەنتتە قىلغان ئىبادەتنىڭ يېرىم ساۋابىغىمۇ ئېرىشەلمەيسەن. چۈنكى، بۇ يەردە ئىبادەت دېگەن بەكمۇ تولا. ئۇ يەردە قىلىدىغان تائەتنىڭ ناماز ئوقۇماق بىلەن روزا تۇتماق تايىنلىق، ئۇنىڭدىن باشقا تائەتكە بولسا قېنى ماڭا ئىزھار قىلىپ باققىن. ئەگەر شۇنىڭغىلا تەمەننا قويۇپ ئۆتۈدىكەنسەن، ئوشۇق گەپنىڭ ھاجىتى يوقكى، بۇنداق ئىبادەت پۈتۈنلەي بوشقا كېتىدۇ. توغرا، ئىبادەت دېگەننى قانچىلىك قىلساقمۇ يەنە ئازلىق قىلىدۇ، لېكىن تائەتنى يوشۇرۇن تۇتۇپ قىلغان تېخىمۇ ياخشى. ئادەمنىڭ ياخشىلىرى تائەت-ئىبادەتنى ئەلدىن يوشۇرۇنچە قىلىدۇ. ساڭا ئۆزۈمنىڭ يوشۇرۇن سىرىمنى ئاشكارىلىۋېتىدىغان بولدۇم. ھەي مەرد ئوغلان، مەرد ئەرلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى يوشۇرۇيدۇ، يۈز يىل ئىبادەت قىلىپمۇ ئۇنى ئاز سانايىدۇ. بۇ ياققا كەلگىن، بۇ يەردە قانچىلىك ئىبادەت قىلساڭ قىل، بۇ يەردە پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكى ساڭا ئوچۇق. بۇ يەردە تول خوتۇن، يېتىم
ئوغلولار، ئە ما، پالە چ، مە جرۇەلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ دە ردىگە دە رمان بولۇپ، دىلىنى سۆيۈندۈرگىن. بىلىسە ك، پېقىرلە ر ئۈچۈن جامائەت بىلە ن بىرگە ئوقۇغان جۈمە نامىزى ەە ج قىلغان بىلە ن باراۋە ر. قولۇڭدىن كە لسە ، ەالالدىن مال-دۇنيا تېپىپ، يوقسۇللارغا ئۈلە شتۈرۈپ بە ر، ئۆلۈمنىڭ يولۇنچۇكى بولۇپ، قولىنى تۇتقىن، مانا بۈلارنىڭ ەە ممىسى تائەت ئە مە سمۇ؟ سە ن بولساڭ شۇنچە ساۋابلىق ئىشلارنى قايىرىپ قويۇپ، ئۆزۈڭنى يالغۇز روزا-ناماز بىلە نلا ئۆتۈسە ن. روزا-نامازلىرىڭ پە قە ت ئۆزۈڭنىڭ مە نپە ئىتى ئۈچۈندۇر. ئۆزۈڭنىڭ مە نپە ئىتى ئۈچۈنلا ياشىغان ئادە مدە قە لب بولمايدۇ. مېەرىبان ياخشى كىشى شۇنداق دۇرۇس ئېيتقان ئىكە ن: «ەە قىقىي ياخشى ئادە م ئۆزۈنىڭ مە نپە ئىتىنى قايىرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ مە نپە ئىتى ئۈچۈن مۇشە ققە ت چېكىدۇ.» گۈزە ل قە لىبلىك ئادە م يامانلارغا ياخشىلىق يولىنى ئېچىپ بە رمىكى لازىمدۇر، ياشىغان ئىكە ن، ئە لگە نە پ بە رمىكى لازىم. ئە لگە پايدىسىز ئادە منىڭ ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ئۆزە ل. خە لققە ەە قىقىي كۆيۈمچان، ياراملىق ئادە ملە ر كېرە ك. ئادە م تائەتىكىلا ئىشىنىپ يۈرىدىكە ن، ەە رگىزمۇ ئاللانىڭ مە رەە مىتىگە ئېرىشە لمە يىدۇ. گە پنىڭ قىسقىسى، ئە گە ر سە ن خۇدانىڭ شە پقىتىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئالدى بىلە ن مۇسۇلمانلارنىڭ بە ختىنى كۆزلە . بىلىسە ك، ئاللا ەە رگىزمۇ بە ندىسىنىڭ ئىبادىتىگە موھتاج ئە مە س، ئۆزۈڭنىڭ بە ندىلىكىڭنى ئادا قىلىپ، ياخشى نامغا ئىگە بولۇشنى ئىزدىگىنىڭ توغرا. تائەت-بە ندىلىكنىڭ قە رزى. بۇ قە رزنى كۆڭۈل قويۇپ ئىبادە ت قىلىپ، ئۆلۈكنى مۇستە ەکە ملە ش ئارقىلىق ئادا قىل. بىلىملىك ئاقىل كىشىلە ر: «تائەت-ئىبادە ت بىلە ن بول، تائەتلىك كىشى ئە زىز، لېكىن تائەتتە بولۇۋاتىمەن دە پ تە مە ننا قويۇپ، ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالما» دېگە ن.
ەە ي ئودغۇرمىش، سېنى چاقىرتسام، ئۆزۈڭنىڭ مە نپە ئىتىنى قوغلىشىۋاتىدۇ، دە پ قالما. ياق ئۆلۈمنىڭ مە نپە ئىتى ئۈچۈن
191
چاقىرىۋاتىمەن، بۇ تەلەپىمنى زورىغا ئىنكار قىلما، يېنىمغا كېلىپ ماڭا ياردەملەشكەن، مېنىڭ بېقىملىرىمنى يولىسەڭ ساۋابى ساڭا، ئاتاقلا ماڭا بولىدۇ. لېكىن ئۆزۈمنى يەپ قايتىپ يېنىمغا كېلىشنىڭ پايدىسى ئۆزۈڭگە، ئەگەر كەلمىسەڭ ماڭا ھېچقانداق زىيان بولمايدۇ. ياخشى يەردىن ئادەم ياخشى يول تاپالايدۇ. مېنى دۇرۇس يولغا باشلاپ ياخشىلىققا ئېرىشكەن. سەن مېنىڭ ياخشى يول تۇتۇشۇمغا سەۋەبچى بولساڭ، ئاللامۇ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان بىر تاجىك ئالىمى: «بېگىڭنىڭ ياخشى ۋە ئادىل بولۇشى ئەلنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى. ئۆزۈڭدىن كۆپرەك بېگىڭگە ياخشىلىق تىلىگىن. بېگىڭنىڭ ياخشىلىقى ئەلنىڭ بەختى» دېگەن. خەلقىڭنىڭ كۆڭلىرى ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بولىدۇ. بىراق بېگى ياخشى بولسا ئۆزۈڭدىن خەلقىڭنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ. «كىشى» دېگەن نامغا مۇناسىپ ئادەم كىم؟ ئەلنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈپ، پايدا يەتكۈزگەن كىشى. ھەر قانداق ئىنسان بالىسى ياخشىلارنى سۆيىدۇ. نەدە ياخشىلىق بولسا مانا مەن ئۇنىڭنىڭ ماختىغۇچىسى. ھەقىقىي ياخشى ئادەم بولماق ئىستىكىدە بولساڭ، ئەلنىڭ غەمگۈزارى بولغىن.
گېپىممو تۈگىدى، قەلىمىمنىڭ سىياھىمۇ قۇرۇدى، قەلبىمدىكى گەپلەرنى تۈگەل ئېيتتىم. قالمىش گەپ-سۆزلەر بولسا قېرىندىشىڭ ئۆگدۈلمىشتىن ئاڭلىغايسەن.»
* * *
كۈنتۇغدى ئېلىگ ئۆدغۇرمىشقا ئاتاپ يازغان مەكتۇپىنى چىرايلىق ئوراپ مۆھۈرىنى باسقاندىن كېيىن، ئۆگدۈلمىشكە سۇندى ۋە يەنە:
— بارغاندىن كېيىن يەنە قانداق زۆرۈر گەپلەر بولسا ھەممىنى دەپ، ئونى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشقىن، ھەرگىزمۇ
قورۇق قول قايتىپ كەلمۈچى بولما. بىلىملىكلەر: ئەلچىلىككە زېرەك ئادەمنى تېپىپ ئىشني تاپشۇر دېگەن، بوني ئۇنتۇما. قالغان ئىش سېنىك ئىلكىكدە قالدي. نېمە دېمەك لازىم بولسا شوني دېگەن، نېمە قىلماق لازىم بولسا شونى قىلغىن. قالغان ئىشنى ساڭا تاپشۇردۇم، - دەپ قاتتىق تاپىلىدى.
ئۆگدۈلمىش «ئىلەل» ① دەپ ئەدەپ بىلەن ئىلكىگە سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ناميني ئېلىپ ئوردىدىن چىقتى. ئو ئېتىنى مىنىپ ئۆيى تەرەپكە يۈزلەندى. ئو ئۆيىگە كېلىپ ئاتتىن چۈشتى ۋە ئاتنى مۇلازىم ئوغلانغا تۇتقۇزۇپ ئۆيىگە كىردى. ئەتەمدارلىق بەلۈگىنى يېشىپ تونىنى سالدي. بۇ چاغدا قوياش بېشىنى يەرگە قويۇپ، يورۇق دۇنيانىك مەڭزى قىزىللىققا چۆمگەن ئىدى. ساما بارا-بارا چىچىنى يورۇق يۈزگە يېپىشقا باشلاپ، يەر يۈزىنى ئونىك گۈزەل زۈلپى قاپلىغىلى تۇردى. ئۆگدۈلمىش تەرەتتىن كېيىن خۇپتەن ناميزيني ئوقۇۋېلىپ، تۆشەك سالدۇرۇپ ئويقۇغا باش قويدى. بىرئاز ئۇخلاپ چوچۇپ ئويغىنىپ كەتتى. بېشىنى كۆتۈرۈپ قارا زەڭگي تون يۈزنىك سوزۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، تەرەت ئېلىپ، بامدات ناميزيني ئوقۇدى. تەسبىھ سېرىپ بىرئاز دۇئا-تەكبىر قىلغاندىن كېيىن تاڭ ئېتىشنى كۈتتى. يىپەك قالقان بېشىنى كۆتۈرۈشى بىلەن گۈزەل رۇخسار كۈلگەن دەك دۇنيا يورۇپ كەتتى. ئۆگدۈلمىش ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇلازىم ئوغلانغا ئېتىنى ئېگەرلىتىپ، قېرىندىشى ئودغۇرمىش تامام ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتى.
① ئىلەل - باش ئۈستىگە دېگەن مەنىدە.