ئۆگدۈلمىشنىڭ ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا دەۋەتكە بارغانلىقى
ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى ئودغۇرمىشنىڭ تۇرۇشلۇق ماكانىغا يېقىن بېرىپ ئاتتىن چۈشتى. ئۇ ئاتنى يېتەلەپ ئودغۇرمىشنىڭ غار ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ئاستا ئىشىكنى چېكىتى، ئودغۇرمىش ئېتىكاپتا ئىدى. ئۇ ئىبادىتىنى توختىتىپ، چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. قېرىندىشى ئۆگدۈلمىشنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. ئىككى قېرىنداش قۇچاقلىشىپ يۈز-كۆزلىرىگە سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى، ئىسسىقلىق سوراشقاندىن كېيىن ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئىچكىرىگە باشلىدى.
ئودغۇرمىشنىڭ ئۆتۈكۈر ئۆيى ئىنتايىن ئاددىي، بىراق ئازادە ۋە پاكىز ئىدى، غار ئۆيدە ھېچقانچە بېسات يوق ئىدى. بىر تەرەپتە تاشتىن ياسالغان كىچىك بىر سوپا، سوپىنىڭ ئۈستىگە ھايۋان تېرىلىرىدىن سېلىنچا سېلىنغان ئىدى. ئۆتۈكۈرنىڭ تېمىغا ئويۇقلار ئويۇلۇپ، كىتابلار تىزىلغان. بەزى ئويۇقلاردا بىر-ئىككى ساپال تاۋاق بىلەن قازان-قۇمۇچ تۇراتتى. يامغۇر-يېغىندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن غار ئېغىزىغا بىر ئىشىك ئورنىتىلغان ئىدى، ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىر قوزۇققا ئېسىپ قويۇلغان ھاسا ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن ئەڭ قىممەتلىك بېساتىدەك قىلاتتى. سول تەرەپتىكى تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ئىبرىق ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھىدەك بويۇن سوزۇپ تۇراتتى، تاش سوپا ئېتىكاپگاھى ئىدى. بىر تەرەپتە جايناماز، جايناماز ئۈستىدە بىر تىزىق تەسۋى
تۇراتتى .
ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنى تاش سوپىغا باشلىدى ، ئۇلار يانمۇ يان ئولتۇرۇشتى . خېلى ۋاقىتقىچە ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ قولىنى قويۇپ بەرمەي ئولتۇردى . ئۇ قېرىندىشى بىلەن ساق - سالامەت كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ ، مۇنداق دىدارلىشىشقا مۇيەسسەر قىلغان تەڭرىگە مەدھىيىلەر ئېيتتى . ئۇزۇن يىل ئايرىلغان دىلكەش ، كۆيۈمچان قېرىنداشلارنىڭ قايتىدىن كۆرۈشۈپ ، جەم بولىشى نېمىدېگەن خۇشاللىنارلىق ئىش - ھە ! يېقىنلىق ئىزدەيدىغان كۆيۈمچان بىر قېرىنداش شۇڭا : « جۇدالىقتىن كېيىن سالامەت دىدارلىشىش كىشىنىڭ غەم - قايغۇسىنى يېڭىللىتىپ ، شادلىقنى ئاشۇرىدۇ » دەپ بىكار ئېيتىلمىغان - دە !
سالام - سائەتتىن كېيىن ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشتىن باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى . ئۆگدۈلمىش ئۇلارنىڭ تىنچ - ئامانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ ، ئودغۇرمىشنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى .
— ئېيتىقنا ، ساڭا نېمە ئىش بولۇپ بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ قالدىڭ ، — دەپ سورىدى دەسلەپ ئودغۇرمىش ، — مەن سېنى ئەلگە ئاپادار ، بىلىملىك كۆنتۇغدى ئېلىگ بىلەن بىرگە دەپ ئاڭلىمىتتىم . نېمە سەۋەبتىن ئولارنى تاشلاپ ، خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر يۈكنى يۈدۈپ بۇ تەرەپكە كەلدىڭ ؟
— ھەي قەدىرلىك قېرىندىشىم ، سېنى سېغىنىپ كۆرەي دەپ كەلدىم ، — دېدى ئۆگدۈلمىش جاۋابەن ، — قانداق دەرھەسرەت تۈگۈنلىرىڭ بولسا يېشىي دېدىم . ئۇزۇن زامان بولۇپتۇ دىدارلىشىش نېسىپ بولمىدى ، كۆرۈشۈشكە شۇنچە ئىنتىزار بولساممۇ پۇرسەت چىقمىدى . مانا بۈگۈن ۋاقىت - سائىتى كەپتۇ . خۇداغا شۈكۈر ، ساق - سالامەت كۆرۈشتۇق . ئادەم ئامان - ئېسەن بولسىلا تىلىكىگە يېتەلەيدىكەن ، تىرىكلىك تىلەك ئۈچۈن سەرمايە
بولىدىكەن. ئادەم ھاياتلا بولسا، ئايرىلىپ كەتكەنلەر قايتىدىن تېپىشىدىكەن. شۇڭا، ئادەم باشقا تىلەكلەرگە يېتىش ئۈچۈن تىرىكلىك ۋە ئېسەنلىكنى تىلەش ياخشىكەن. مانا بۈگۈن خۇدايىم تىلىكىمگە يەتكۈزۈپ، ئېسەنلىك بىلەن سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلىپتۇ.
ئۆگدۈلمىش سۆزىنى توختىتىپ بىرئاز تۇردى. ئودغۇرمىش ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ، باشقا بىر مۇھىم گەپنىڭ بارلىقىنى پەملىدى. ئۆگدۈلمىشمۇ قېرىندىشى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىدىن قوزغالغان ھاياجانىنى ئازراق بېسىۋالغاندىن كېيىن ئودغۇرمىشقا:
— يەنە بىر مۇھىم گەپىم بار ئىدى، ئېيتسام، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭ، — دېدى.