ئودغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ مۇنازىرە زۇنارنى چىقىرىشقانلىقى
ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ كېلىشىدىكى ئەسلى مۇددىئاسىنى ئۇقماق بولۇپ مۇنداق دەپ سورىدى: — سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ تۇر. يېقىنلىق ۋە ئەجرىڭ ئۈچۈن نام-ئاتىقىڭنى مىڭ ھەسسە ياخشى قىلسۇن. ئەمدى ماڭا جاۋاب بەر، يەنە بىر سۆزۈڭ نېمىسكەن، قالدۇرماي ھەممىنى ماڭا ئېيتقىن.
— ئەي ئىلمى دېڭىزدەك ئۇلۇغ ئوغلان، سېنى كۆرۈپ كۆزلىرىم روشەنلەشتى. ئادەم ئۆز تىلىكى يولىدا قانچىلىك جاپا چەكسىمۇ بۇنداق جاپا كۆزگە كۆرۈنمەيدىكەن. شۇڭا كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر: «ئادەم قانداق ئىشقا ئۆمىدۋارلىق بىلەن قەدەم باسسا، بۇ ئارزۇ-ئۆمىد ھەر قەدەمدە ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ، يىراق مۇساپىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ئوسالغا يېتىپ، جان ئىگىسىنى تاپىدۇ» دېيىشكەن. سەن شەھەردە كەنتتىكى ئۇرۇق-تۇققان، قەۋم-قېرىنداشلارنى تەرك ئېتىپ ئەلدىن تويۇپ، دوست-بۇرادەرسىز ئۆزۈڭ يالغۇز بۇ تاغدا ئېغىر يۈك يۆدەپ رېيازەت چېكىۋاتىسەن، ئاچ-يالىڭاچ، دەرمانىسز ياشاۋاتىسەن. بۇ ئەھۋالىڭنى ئويلاپ تىلىمدا سېنىڭ زىكرىڭ، كاللامدا سېنىڭ قايغۇڭ. بۇرادەرلەرمۇ سېنى ئەسلەپ كۆپ قايغۇرۇشىدۇ، كۆرۈشكىسى كېلىپ كۆرۈشەلمەي دىللىرى ئۆرتىنىدۇ. ئويلاپ باققىن، ئادەم بۇ دۇنيادا يەككە-يىگانە ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئادەم قېرىيدۇ، كېسەللىك تارتىدۇ. بۇلارنى ئويلاپ قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە ئارامىمدا ئۇخلىيالمىدىم. تەڭرى بۇ ئازابلارنى ساقلا تارتىشقا بۇيرۇغانمۇ، دوزاخنى سەن ئۈچۈنلا ياراتقانمىدى، ئۆزۈڭنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن؟ قانداق كۆڭۈل سىرلىرىڭ بولسا ماڭا ئېيتقىن.
— سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم، — دېدى ئودغۇرمىش جاۋاب بېرىپ، — ساڭا بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىي، ئاڭلاپ تۇرغىن. قەلبىڭنى ماڭا تولۇق ئىزھار قىلىپ، كۆيۈمچانلىقىڭ ۋە قېرىنداشلىقىڭنىڭ ھەققىنى ئىپادىلىدىڭ. توغرا، قاياشنىڭ غىمىنى قاياش يېمىسە، يات كىشىلەر قانچىلىك غەم يەيتتى. بىراق بۇ يەر ئېتىقادىم ئۈچۈن، ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ كۆرۈندى. شۇڭا، تەڭرىگە تائەت قىلىش ئۈچۈن قاياشلاردىن ئايرىلىپ ئۆزۈم يالغۇز بۇ يەرگە كەلدىم. بۇ دۇنيانىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ قالغان ئادەم تائىتى بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئىشىنى ئادا قىلىپ بولالمايدۇ. پۈتۈن خەلقنىڭ يۈزىگە ئىشەك ياپماي تۇرۇپ① ياراتقۇچى رەببىمگە تائەت قىلغىلى بولمايدۇ. تائەت-ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى پەقەت ھاۋايى-ھەۋەس ۋە نەپسىڭنىڭ بوينىنى سىققاندىلا ئاندىن تېتىيالايسەن. تەقۋادار كىشىلەر شۇڭا: «ھاۋا، نەپەس دىننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، ئۇ بەندىلەرنى يولدىن ئازدۇرىدۇ. ھاۋاغا بېرىلگىنىم — مېنىڭ تۇتقۇنلۇقۇم، نەپسىم تەقەززاسىنىڭ قېنىشى — مېنىڭ قۇللۇقۇم. شۇڭا ئەقىلنى ھاۋاغا زالىم، بىلىمنى نەپسكە ھاكىم قىلماق لازىمدۇر» دېيىشكەن. مانا شۇ سەۋەبتىن قۇرۇق غەيۋەت-شىكايەتتىن پارىغ بولۇپ، كىشىلەردىن ئايرىلىپ بۇ يەردە تۇرۇۋاتىمەن. سەن مېنى يالغۇز تۇرۇۋاتىسەن دېدىڭ. ياق، ئاللانىڭ يادى ماڭا دائىم ھەمراھ، شۇنىڭ ئۈزى يېتەرلىك. يېقىن-يورۇقلارمدىن يىراق بولغانلىقىم، ئۇلارغا
① يۈزگە ئىشەك ياپماق — كىشىلەردىن ئۆزىنى تارتماق دېگەن مەنىدە.
ئاچ-توقۇمنى بىلىندۈرمەسلىك. خەلقنىڭ كۆڭلى تولىمۇ نازۇك، ئالماق تەس. سۇنغان كۆڭۈلنى ئاللانىڭ ئەدلى بىلەن پۈتۈنلىگىلى بولىدۇ. گەرچە خەلق مەندىن پايدا-مەنپەئەت كۆرمىسىمۇ، لېكىن مەندىن ئۇلارغا زىيانمۇ تەگمەيدۇ. دۇنيادىكى ياخشىلىق، يامانلىق، پايدا-زىياننىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئەرشتىن تارتىپ يەر قېتىغىچە بولغان بارلىق مەۋجۇدات خۇداغا موھتاج.
سەن مەندىن يالغۇز تائەتتىن نېمە پايدا دەپ سورىدىڭ. كىشىلەر ئارىسىدىكى پايدا-زىياننىڭ ھەممىسى ساڭا ئايانغۇ؟! تائەت دېگەن قۇللۇقنىڭ ھەققى. شۇڭا تاغقا چىقىپ كېچە-كۈندۈز ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئادەمگە «بەندىلىك» نەمۇنە بولغان. ئاللا بۇ قۇللۇقۇڭنى قوبۇل قىلسۇن-قىلمىسۇن، ئاللانىڭ زىكرى تىلىڭدىن چۈشمەسلىكى لازىمدۇر. مېنى يالغۇز دېيسەن، يالغۇزلۇقۇمدىن ماڭا ھېچ زىيان يوق، بۇنىڭ بىلەن تېنىم ۋە دىنىم ئېسەنلىككە ئېرىشتى تېخى. شۇڭا بىر بېيىتتا شۇنداق كەلگەن:
ئەي ماھىر كىشى، سەن يۈر تەنھا بولۇپ، توتى سۆز ئۆگەندى ئۇ يالغۇز يۈرۈپ. تائەتچى تائەت قىلسا يالغۇز ئەگەر، بولۇر نە زىيانى ئۇ يالغۇز تۇرۇپ؟
ھەي قېرىندىشىم، كىشىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنى ماختايسەن، ئۇلارغا قانداقمۇ ئارىلىشىشلى بولسۇن؟ مانا كۆرمىدىڭمۇ، سەن يېنىمغا كەلگەن بېرى تائەتتىن قالدىم. بىر سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىم ئۈچۈنلا شۇنچە زىيانغا ئۇچراۋاتسام، ئەگەر ئەل-جامائەت ئىچىگە كىرسەم قانداقمۇ تائەتكە قولۇم تەگسۈن؟!
— سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەمدى يۈز ئۆرۈمەي مېنىڭمۇ
سۆزۈمنى ئاڭلاپ باققىن، — دېدى ئۆگدۈلمىش جىددىي تەلەپپۇزدا، — دېگەن سۆزلىرىڭ قارىماققا ھەقىقەتتەك تۇرغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەلدە نامىم مەڭگۈلۈك بولسۇن دېگەن ئادەم ھايات چېغىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزمىكى لازىمدۇر. ياخشىلىق دېگەن تىرىكلىكنىڭ بەلگىسى. ئەل ئۈچۈن تىرىكلىكىڭنىڭ ھېچقانداق نىشانى كۆرۈنمىسە، ھاياتلىقىڭدىن قانداق نىشان بولسۇن؟ ئۆي-ئوچاقلىق، بالا-چاقىلىق بولۇشمۇ ياخشى ئىش. ئەۋلادى يوق دېسە بىر ئەل ئۈچۈن تولىمۇ سەت ئىش. بۇ توغرىدا كىشىلەر: «ئۆيلىنىش دېگەن ئەۋلادنى ئەۋلادقا ئۇلاشنىڭ يولى. ئەگەر نەسلى-نەسەبسىز ئۆلسە، پۈتۈن ئەۋلادى قۇرۇيدۇ. بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ نام-نىشانى قۇرۇق قالىدۇ. ئۆزىدىن ئەۋلاد قالدۇرالمىغان كىشى ئۆلدى دېمەي، تىرىك ھېسابلانسا بولىدۇ. ئەۋلادسىز ئادەم ئۆلەر ۋاقتىدا ھەم كېيىنكىلەر، ئەۋلاد قالدۇرۇڭلار، دەپ ئۆكۈنىدۇ» دېگەن.
— ھەي ئۆگدۈلمىش، دېگەنلىرىڭ ھەق، — دېدى بىرئاز قايىل بولغان ئودغۇرمىش يەنىلا سەۋەب كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، — لېكىن دېگەنلىرىڭنىڭ ئەكس تەرەپلىرىمۇ بار. دېگىنىڭدەك، ئوغۇل-قىزلىرىڭ ياراملىق بولۇپ چىقسا، ئېيتىقىنىڭدەك بولۇشىدا گەپ يوق. ئەگەر يارامسىز بولۇپ قالغۇدەك بولسا، سېنى قان يىغلىتىپ ئۆلتۈرۈشكە يارايدۇ، سەن ئۆلگەندىن كېيىن تېزلا ئۇنتۇيدۇ، تېخىمۇ يامىنى نامىڭنى بۇلغاپ، ئەلنىڭ قارغىشىغا مۇپتىلا قىلىدۇ، چوڭ-كىچىكنىڭ تىل-ھاقارەتلىگىە نىشان بولۇپ قالىسەن. ئوغۇل-قىز دېگەن بىر دۈشمەن، دۈشمەندىن ساڭا قانچىلىك يورۇق چۈشەر، ۋاقتى كەلسە ئۇ سېنىڭ زېمىنىڭغا گۇۋاھچى بولالايدۇ. بۇنداق دۈشمەندىن يىراق بولۇپ ياشىغان ياخشى. توغرا سۆزلۈك، كۆڭلى دۇرۇس كىشىلەر: ئوغۇل-قىزنىڭ ئۈچۈن باغرىڭ سىيرىلىدۇ، بۇنى پەرزەنتلىك كىشىلەر ياخشى بىلىدۇ. كۆپ ئەجىر قىلىپ،
200
مۈكچىيىپ ھارام مال توپلايسەن، سەن قان يىغلاپ بۇ دۇنيادىن كېتىسەن، ھوزۇرۇنى ۋاپاسىز پەرزەنتلىرىڭ كۆرىدۇ. خوتۇن ئېلىشنى كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزغا كىرىش دەپ قارىساق، پەرزەنت تۇغۇلۇشى بىلەن بۇ كېمە پاچاقلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا كىممۇ دېڭىزدا ھايات قالىدۇ؟ ئاتا-ئانا بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يېمىكى زەھەردۇر. ئۇلار پەرزەنت غېمىدە پىلەدەك مېھنەت يۈكچىلەردۇر. لېكىن ۋاپاسىز پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ نامىنى ئاتاپمۇ قويمايدۇ. بۇنداق يامان پەيللىك ناچار پەرزەنتلەردىن نېمىمۇ كۈتۈكلۈك؟!
سەن ئاداش، يولداش تۇتۇشۇمنى ئېيتتىڭ. بۇغۇ ياخشى، لېكىن بۇ يۈكنى يۈدۈمەكمۇ مۈشكۈل. بىلىملىك ھېكىملەر بۇ ھەقتە: ھەي ئوغۇل، ئادەمنىڭ كۆڭلى خۇددى شىشەگە ئوخشاش بەك نازۇك، كۆزەتمەك مۈشكۈل، سۇنۇپ كەتمىسۇن، بەك ئاۋايلا، دېگەن. تەجرىبە شۇكى، كۆڭۈل ئىسسىقتا ئېرىيدۇ، سوغۇقتا توڭلايدۇ. دوستۇڭنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىنى سۇندۇرۇپ قويۇڭمۇ، دەرھال دۈشمىنىڭگە ئايلىنىدۇ، دۈشمەن بار يەردە ئاداۋەت قاينىمىغا كىرىسەن. دۈشمەنلىك ئادەمنىڭ كۆڭلى ئارامدا بولمايدۇ، تۇرمۇشىمۇ ئارامخۇدا ئۆتمەيدۇ، ھەر قەدەمدە سېنى مىڭلاپ زىيانغا پاتۇرۇش كويىدا بولىدۇ. شۇڭا، دۈشمەننىڭ قانچىلىك ئاز بولسىمۇ ئۇنى كۈچلۈك ھېسابلا، كىچىك بولسىمۇ زىيىنىنىڭ زورلۇقىنى ئەستىن چىقارما. كۆرمىدىڭمۇ، چۈمۈلىمۇ پىلنىڭ چوڭ دۈشمىنى بولالايدۇ، چۈنكى پىلنىڭ جېنىغا تېگىۋېرىپ ئۇنى سەكرىتىۋېتىدۇ. دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆمرى ئۆتكەن كىشىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سال: دۈشمىنىڭنى كىچىك چاغلاپ بىخۇت بولما، ئۇنىڭدىن قورقمايمەن دەپ چوڭ گەپ قىلما. دۈشمىنىڭگە دۈشمەن بول، دوستۇڭغا دوست بول.
ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ يۇقىرىقى جاۋابىغا قارىتا يەنە سۆز تولپارىنى بەيگىگە سالدى:
201
— ھەي قېرىندىشىم، كۆڭۈل قويۇپ سۆزۈمنى ئاڭلا. ئاللا بۇ دۇنيانى بىلىپ ياراتتى، نىمەتلىرىنى ھالاللاپ بەردى. ياخشى دوستلارنى تېپىپ ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆتسە، دوستلار ياخشى ئىشلار ئۈچۈن قانات بولىدۇ. پايدىلىق دوستلارغا قوشۇلساق، باشقىلارغا بەرگەن نەپىڭنى ئۆزۈڭنىڭ پايدىسى دەپ بىلسەڭ بولىدۇ. يالغۇزلۇق ياۋايىلىقنىڭ بەلگىسى، يالغۇزلۇقتىن كىشىگە نېمە پايدا؟ ھەي مەرد قېرىندىشىم، يىگىت بولساڭ ئەلگە نەپ بېرىشىڭ زۆرۈر، نەپسىز ئادەمنى ئۆلۈك ساناش لازىم. پايدىلىق ئادەم بول، تىرىك ئۆلۈك بولۇپ قالما. دوست-قۇلداشلىرى كۆپ ئادەمنىڭ نامى تارقىلىپ ئىشى ئىلگىرى باسىدۇ، بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيادا بولسۇن تىلىكىڭ ئېرىشىدۇ. ھەقىقىي دوست بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ئۆزىنى پەيدا قىلىدۇ، شادلىققا جور بولۇپ، كۆزۈڭنى نۇرلاندۇرىدۇ. ئۇ پەزىلىتىڭنى ماختاپ ئەلگە يايسا، ئەيىبىڭنى يوشۇرۇپ تىلىدىن تايىدۇ. دۈشمەن يەنە سېنى غەپلەتتىن ئويغاتقۇچى، پەزىلەت ۋە قۇسۇرۇڭنى تونۇتقۇچىدۇر. ئەرنىڭ دۈشمىنى بولمىسا، ئۇنىڭ مەردلىكى ۋە جاسارىتى قانداقمۇ نامايان بولسۇن؟! بىلگىنكى، كىمنىڭ مەردلىكى ۋە پەزىلىتى يۈكسەك بولسا، دۈشمىنىمۇ ھېسابسىز كۆپ بولىدۇ، ھەتتا ئېسىل نەسەبلىك، پاك كىشىلەرگە پۈتۈن ئەل دۈشمەن بولىدۇ. قارا، دۈشمەنلىك بولۇش ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. يامان، ئەسكى ئادەمنىڭ دۈشمىنىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈك بىلەن كىممۇ دۈشمەنلەشسۇن؟ كىم كۆپ دۈشمەنلىك بولسا، ئۇنى پەزىلەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ بىل. ئەرنىڭ نام-شۆھرىتى دۈشمەن بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. دۈشمەنسىز ئەر نام-نىشانسىز يەردە ياتىدۇ. پەزىلەتلىك ۋە دۈشمەنلىك ئەرلەرنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا:
«مىڭلاپ دۈشمىنى كۆڭلىگە مىڭ قېتىملاپ غەيۋەتنى قىلمىغان ئادەمنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن، قارا، مىڭلاپ ئىتلار
كەينىدىن ھاۋشۇپ قوغلسا، ئۇنىڭدىن قاچقان بۆرىنى بۆرە دېگىلى بولامدۇ؟»
سەن يەنە يالغۇز ئۆتسەم قۇرۇق گەپ-سۆز قىلىشتىن خالى بولىدىكەنمەن، دەۋاتىسەن. سەن كىشىلەر ئارىسىدا بولمىساڭ، قېشىڭدا ئادەم بولمىسا كىمگە گەپ قىلىسەن؟ ھەقىقىي ئەركەك ئەل بىلەن بىرگە ياشاپ، تىلىنى ئوبدان كۆزىتىپ، تۆردىن ئورۇن ئالىدۇ، يېرىك سۆزگە سىلىق جاۋاب بېرىدۇ، ئاچچىق گەپكە تاتلىق جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ يۈكىنى كۆتۈرىدۇ، كىشىلەرگە يۈك بولمايدۇ، جاپاغا جاپا قىلىدۇ. ئۆج-ئاداۋەتلەرنى كۆڭلىدىن كۆتۈرۈۋېتىپ، دىلىدىكىنى تىلى بىلەن ئوچۇق ئېيتىدۇ. ياخشىلىق بىلەن داڭقى چىققان كىشىلەر: كىشىلەرگە يېرىك سۆزلىمە، يېرىك سۆز ئۆزۈن يىل دىلنى ئاغرىتىدۇ. ئەگەر بىركىم سېنى سوكسە، سەن ئۇنى ماختا، ئۇ چاغدا كىشىلەر سېنى دانا، ئۇنى بولسا نادان دەيدۇ. يېقىن قاياشلار سەندىن يىراقلاشسا، سەن ئۇلارغا يېقىنلىق قىلغىن. زالىم ساڭا زۇلۇم قىلسىمۇ، دىننىڭ يولى ئۈچۈن ئۇنى كەچۈرگىن. دېمەك، قوللىرىڭ گۇناھ قىلىپ قويسا، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇلارنى كەچۈرۈپ، ساۋابىنى ئۆزۈڭگە ئوزۇق قىل. مەردلىك دېگەن مانا شۇنداق بولىدۇ: شۇنچە ئېغىر يۈكنى يۈدۈپ، سەۋر بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدىغان گەپ.
ئەي ياخشى خۇيلۇق قاياشىم، بۇ غارغا ئۆزۈڭ يالغۇز سولىنىۋېلىپ، قايسى ساۋاب-پايدىلارغا ئېرىشە لىيسەن؟! يا دۇنيا نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىساڭ، ئالتۇن-كۆمۈش، گۆنچە-مەرۋايىتلارغا ئېرىشەلمىسەڭ، يا سېنىڭ ساراي، قەسر، يەر-سۇلىرىڭ بولمىسا، يا سېنىڭ ئات-ئۇلاغ، قىز-ئوغۇللىرىڭ بولمىسا، يا ئەل-جامائەت ئىچىدە قولۇڭ ئۇزۇن بولمىسا، سەن زادى نېمىگە ئېرىشە لىدىڭ؟ پەقەت زاھىتلىق ئاتاق ئۈچۈنلا ئۆزۈڭنى شۇنچە چېكەمسەن؟ بۈيۈكلۈك بىلەن قايسى تەلۋە سېنى
203
زاھىت دەپ ئاتىيالايدۇ؟ چۈنكى ەەر قانچە قىلسىمۇ ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىگەن ئادەم ئامالسىزلىقتىن زاھىتلىق يولىنى ئىختىيار قىلىدۇ. بىلىسەڭ ھەقىقىي چىڭ باغلىغان زاھىت ھەممىگە ئېرىشەلەيدىغان، قولى ھەممىگە يېتىدىغان تۇرۇپ ئازغا قانائەت قىلىدۇ، شۇنچە كۆپ ئارزۇ-تىلەكلەرگە يەتكەن بولسىمۇ، مەردانىلىق بىلەن ئۆنۈمدىن كېچىپ، پېقىرلارغا يېگۈزۈدۇ، كىيگۈزۈدۇ، كۆپ مال-مۈلۈككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بەرمەيدۇ، دۆلەت قولىدىن كەتسە قاپاق تۈرمەيدۇ. ھەممە تىلەكلىرى قانغاندىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ، كۆڭلى-كۆكسىنى تۈز تۇتالمىسا، قولى ھەممىگە يەتسىمۇ، ئىشىنى ئۆزىنى تۇتۇپ قىلالمىسا، بۇ تېخىمۇ مەردىلىك بولىدۇ. يۇقىرىقى سۆزلىرىمنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشەنسەڭ، بۇ ساڭا تېخىمۇ ئويغۇن كېلىدۇ.
ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى ئودغۇرمىشقا ھەرگىز يول قويمىدى. ئۆگدۈلمىشنىڭ قەتئىي پىكىرىدىن ئودغۇرمىش ئۇنىڭ كېلىشىنىڭ پەقەت ئۆزىنى يوقلاش ئۈچۈن ئەمەس ئىكەنلىكىنى پەملىدى.
— نېمە دېسەم سۆزۈمگە رەددىيە بېرىپ مېنى رەت قىلىۋاتىسەن. ئوچۇق ئىزھار قىلغىن، زادى نېمە مەقسەت، قانداق نىيەت بىلەن يېنىمغا كەلدىڭ؟
— راست قېرىندىشىم، ئوچۇق ئېيتسام باشقا بىر مۇھىم ئىش بىلەن كەلدىم، — دېدى ئۆگدۈلمىش كېلىشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ، — كۈنتۇغدى ئېلىگ سېنىڭ تەريىپىڭنى ئاڭلاپ، ئۆزىڭنىڭ ساڭا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى بولغاي، مېنى ئەلچى قىلىپ قېشىڭغا ئەۋەتتى. ئۇ سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن سېنى گەپ بىلەن ئېرىتىپ ئېلىپ كېلىش ھەققىدە ماڭا ئەمىر قىلدى. قانداقلا بولسۇن، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ كۆرۈنۈش قىلىمىشىڭ لازىم. كۈنتۇغدى خەلقپەرۋەر، پىداكار ياخشى سۇلتان. ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەن كىشى قۇتلۇق بولىدۇ، ھەر ئىككى
دۇنيادا بەخت يۈزىنى كۆرىدۇ. ئەلنى باشلاپ پاراسىتى يېتىلگەن ئەل كاتتىسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سال: ئېنىقكى، ئادالەتلىك خاقان بەخت-سائادەتتۇر، ئۇنىڭدىن ھەممە كىشىگە ئۈلۈش تېگىدۇ. قەيەردە ئادالەتلىك خاقاننىڭ نام-شۆھرىتى تارقالغان بولسا، ئەلنىڭ بەخت گۈلى شۇ يەردە ئېچىلىدۇ. ئادىل قانون ئاسماننىڭ تۈۋرۈكىگە ئوخشاش، قانون بۇزۇلسا ئاسمان ئۆرە تۇرالمايدۇ. بۇ ئالەمدە ئادالەتلىك، دانا خاقانلار بولمىغاندا، تەڭرى يەتتە قات ئاسماننى ۋە زېمىننى كۆمتۈرۈپ قىيامەتنى قايىم قىلغان بولاتتى. ئادالەتلىك شاھلار بىلەن كۆرۈشۈش ئادەمنى گۇناھىدىن فارىغ قىلىپ، سائادەت تاجىنى كىيدۈرىدۇ. سەنۇم بىلىسەڭ، مەن دادام ئايتولدىدىن كىچىك قالغانىدىم. كۈنتۇغدى ئەلىگ مېنىڭ دۇرۇس ئادەم بولۇپ يېتىلىشىمگە سەۋەبچى ۋە يۆلەگ بولدى. تەڭرىم ماڭا ئەقىل-ئىدراك بەردى، شاھىم بىلىم بېرىپ تەربىيىلىدى، شۇڭا ياخشى ئىشلارغا قولۇم يېتىدىغان بولدى. مانا، ئاللا ماڭا تەۋپىق بېرىپ ئەلىگنىڭ يۈكىنى يۈدۈشكە نېسىپ قىپتۇ. سەنۇم مەن بىلەن بىرگە بولساڭ، ئىككىمىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، تۈگۈنلەرنى بىرلىكتە يېشەتتۇق. خاقانىم شۇ ۋەجىدىن سېنى ئوردىغا دەۋەت قىلىپ مېنى ئەۋەتتى. ھەي قاپلاندەك باتۇر ئوغلان، مېنى يالغۇز، قۇرۇق قول يولغا سالىمىغايسەن.
ئۆگدۈلمىش سۆزلىمەكچى ئەلىگنىڭ مەكتۇپىنى يېنىدىن چىقىرىپ ئودغۇرمىشقا سۇندى ۋە:
— ئالىيلىرى ئۆز قولى بىلەن نامە يېزىپ ساڭا ئەۋەتتى، ئوقۇپ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولغىن، — دېدى.
ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۆزىگە سۇنۇلغان مەكتۇپنى قولىغا ئالدى. ئۇ مەكتۇپتىكى خاننىڭ مۆھۈرىنى كۆردى ۋە بىرئاز ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن مەكتۇپنىڭ مۆھۈرلۈك پېچىتىنى ئېچىپ، خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.
ئودغورمىش مەكتۇپنى ئوقۇپ بولدى. مەكتۈپتىكى ياخشى تەۋسىيەلەر ھەم نەسىھەتلەر ئۇنى خېلى ۋاقىتقىچە ئويغا پاتۇردى. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن سۆز ئاچتى:
— ئىلىگ بارلىق ياخشىلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، مېنى يېنىغا قايتىپ بېرىشىمغا دەۋەت قىلىپتۇ. قارىسام ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى مەن ئۈچۈن بۈيۈك تۇيۇلۇۋاتىدۇ. ماڭا مەسلىھەت بەرگىن، مەن زادى قانداق قىلسام بولار؟
— ھەي ئودغورمىش، ئىلىگ ھەر قاچان نامىڭنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي يادلايدۇ، تىلىنى تەۋرەتسىلا سېنىڭ نامىڭ چىقىدۇ، سەن بىلەن بالدۇرراق دىدارلىشىش تەقەززاسىدا يولۇڭغا كۆز تىكىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئادەم كىمنى سۆيسە ئۇنىڭ نامى تىلىدىن چۈشمەيدىكەن، ئۇنىڭ سىماسى كۆزىدىن كەتمەيدىكەن. سۆيۈملۈكنىڭ دىدارى كۆڭۈلنىڭ ئوزۇقى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئاشىقلار: «كۆڭۈل كىمنى سۆيسە كۆز ئالدىدا شۇ، كۆزى نەگە باقسا نىگاھىدا شۇ، كۆڭلىدە قانداق تىلىكى بولسا، تىلىنى ئاچسىلا شۇ سۆز يادلىنىدۇ» دېيىشكەن، — دېدى ئۆگدۈلمىش.
— ھەي مەرد يىگىت، ئۇنداق بولسا ماڭا بىر توغرا مەسلىھەت بەرگىن، — دېدى ئودغورمىش يېنىشلاپ، — بۇنىڭغا نېمە ئامال قىلغۇلۇق. سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن قېرىندىشىم، قېرىنداشلىق ھەققى ئۈچۈن بىلىمىڭگە مۇناسىپ بىر يول كۆرسەتكىن. سەن مېنى قېرىنداش ياكى ئاداش دەپ بىل، سەن مېنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەم كۆيۈملۈك ئادىمىم. نېمە قىلىشىمنى ئېيتساڭ ساڭا ئىشىنىمەن.
— ھەي قۇتلۇق يۈز، بۇ مەسلىھەتنى مەندىن سورىمىغىن، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — مەن قېشىڭغا ئىلىگنىڭ ئىلتىماسى بىلەن كەلدىم. ماڭا مەسلىھەت سالساڭ بارايلى دېگەندىن باشقا ھېچقانداق مەسلىھەت بېرەلمەيمەن. سەن بىلەن بىرگە ئىلىگنىڭ خىزمىتىنى قىلسام ماڭىمۇ پايدا. چۈنگەل
قەبىلىسىدىكى بىر ئالىم: «ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە چوغ تارتىدىغان ئادەمنىڭ بەرگەن مەسلىھەتىدىن نەپ تەگمەيدۇ» دېگەن. شۇڭا، مەسلىھەت سالساڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدىغان لىللا دوستلىرىڭغا سال. چۈنكى ئۆزىنى ئويلايدىغانلار نەپسى ئۈچۈن ياراملىقنى قەستەن يارامسىز دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ. ھەر قانداق ئىشتا كېڭەش سالغان ياخشى، لېكىن يەنىلا ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خاھىشى بويىچە ئىش تۇتقان تۈزۈك. ھېچقانداق ئادەم ئۆزىگە ئۆزىدەك كۆيۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك بولمايدۇ، يەنە باشقا گەپنىڭ نېمە كېرىكى. بۇ ئىشتا ماڭا كېڭەش سالماي، ئۆزۈڭ ئوبدان ئويلاپ بىر قارارغا كەلگەن. ئاللا بىلىپ تۇرۇپتۇ، مەن ساڭا كۆڭلۈمدىكى توغرا گەپلەرنى دېدىم. بۇ يەردە ئېيتىش مۇمكىن بولمايدىغان ساۋابلىق ئىشلارنىڭ بارىنى سۆزلىدىم، بۇ ئىشلارنى ساڭا ياخشىلىق تىلەپ قىلىۋاتىمەن. شۇنچە يەردىن سېنى ئالغىلى كەلدىم، مەسلىھەتىم شۇكى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، مەن بىلەن بىرگە قايتىپ كەتكىن، — ئۆگۈدۈلمىش بىر تىنۋېلىپ، سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلىدى، — خۇلقۇڭ ياخشى، دىلىڭ ۋە تىلىڭ توغرا بولسا، قەيەردە بولساڭ بەختلىك ياشىيالايسەن. بىر بېيىتتا مۇنداق كەلگەن:
قەيەردە يۈرسەڭ يۈر، لېكىن ياخشى بول، نەسەبکە ئەمەس، بول ياخشىغا كۆڭۈل.
ئادەمنىڭ ياخشىلىرى قەيەردە ياشىسۇن ئۆزىنى ئۇنتۇمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەي، ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى كۆرىدۇ، ياخشى يول ئىزدەيدۇ، ياخشىلىق تىلەيدۇ، ياخشىلىقىڭ بەدىلىگە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. يامانلىققا قېتىلماي، ياخشىلىق يولىنى تۇتقان ئادەم نېدە يۈرسە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.