ئودغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىشكە بۇ دۇنيانىڭ ئەيىبلىرىنى بايان قىلغانلىقى
ئودغۇرمىش ئۆز-ئۆزى بىلەن كېڭەشتى. روھى دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ توقۇنۇشلارنىڭ تۈگۈنى يېشىلگەندەك بولدى. ئۇ بىر قارارغا كەلگەندەك ئۆگدۈلمىشكە بۇ دۇنيانىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى بايان قىلدى.
— مەنمۇ سېنىڭ گەپلىرىڭنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم، ئۆز كاللام بىلەن كېڭەشتىم. ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمنى زېھىن قويۇپ ئاڭلا، — دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۇ، — بۇ دۇنيا سېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا پۈتۈن ئەيىب-نۇقسانلىرى ساڭا پەزىلەت بولۇپ كۆرۈنۈۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەجەبلىنەلمەيمەن. بىر مەسىلىدە: كۆڭۈلدە نېمە بولسا غەيبى كۆزگە كۆرۈنمەس، دېيىلگەن. سۆيگۈگە مۇپتالا ئاشىقلار: ئاشىقى ئۈچۈن مەشۇقنىڭ ئەيىبلىرى ئاجايىپ گۈزەل پەزىلەت كۆرۈنىدۇ، دېيىشكەن. سەن بۇ دۇنيانى شۇنچە ماختاۋاتىسەن، مەن ساڭا ئەيىبلىرىنى ئېيتىپ بېرەي.
ئادەم ئاتا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇغداينى يەپ قويۇپ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلدى. شۇڭا ئاللاھ ئېگەم ئۇنى جازالاپ، بۇ دۇنيانى ئۇنىڭغا زىندان ۋە گۇناھىدىن پاكلىنىش ئۆيى قىلغان. سەن بۇ زىنداندىن نېمىگە ئۈمىدۋارسەن، ھەقىقىي نىجاتلىق ئارزۇسى جەننەتتە قانىدۇ. شەيتان ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى ئاللاھ يامان كۆرىدۇ، ئاللاھ قوغلىغاننى شەيتان تېخىمۇ بەتتەر ياخشى كۆرىدۇ. خۇدا ئۆزى تاللىغان بەندىلىرىگە دۇنيا ئاتا قىلماي،
يولىنى پاك قىلىپ بېرىدۇ. دۇنيا لەززىتىگە بېرىلمىش ياخشى يول ئەمەس. ئۇ ئاللاھدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئاپەتتۇر. ئۆزىنى «خۇدامەن» دەپ دەۋا قىلغۇچى نەمرۇت لەنەتكە مۇپتىلا بولدى، دۇنيا ۋەسۋەسىسىدە ئىتقا ئوخشاش خار بولدى. بايلىق دېگەن ئادەمنى ئەل ئىچىدە كىبىرلىك بالاسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ. نامراتلىق بىلەن كىشى مۇلايىم بولىدۇ. بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كېلىپ يالىڭاچ كېتىدىغان كىشى ھامىنى قالىدىغان مال-دۇنيانى توپلاشنىڭ نېمە ھاجىتى، ھەي ئۆلۈم ئېتىنى مىنگۈچى، ئىككى كۆنلۈك قونالغۇغا نېمىشقا شۇنچە ئالدىنىسەن؟ بىلىسەن، تىرىكلىك ئۆلۈمگە تۇرغان، ئۇ پەقەت ۋاقىت-سائەتنىلا كۈتىدۇ. ئادەم بىر ئىشىكتىن كېلىپ، يەنە بىر ئىشىككە بارىدۇ. ئۆلۈم ئىشىكىگە كىرمەيدىغان ئادەم يوق. ئىككى كۆنلۈك ھالاۋەت ئۈچۈن ئۆزۈڭنى زورلاپ ئوتقا پۇچىلىما. بۇ ۋاپاسىز دۇنيادا بەخت چاقى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ نېمە بەركەن بولسا يەنە قايتۇرۇۋالىدۇ. ئۇ خان ۋە قۇل دەپ ئايرىمايدۇ، ياخشى-ياماننى ھەم پەرق ئەتمەيدۇ. قاراپ باق، بىرنى بەگ قىلىپ، ئارقىدىن يەنە بىرنى ئۇنىڭ ئورنىغا بەگ قىلىش كويىدا بولىدۇ. دۇنيا دېگەن كۆلەڭگىگە ئوخشاش قوغلىساڭ قاچىدۇ، قاچساڭ قوغلايدۇ. مال-دۇنيا دىننىڭ دۈشمىنى، ئۇ دىنىڭنى يۇتۇۋېلىش كويىدىلا بولىدۇ. ئۇ چىرايلىق بېزەنگەن كېلىنگە ئوخشاش يۈرىكىڭنى ئوينىتىۋېتىدۇ. كۆڭلۈڭنى بەرگەندىن كېيىنلا كۆرۈمسىز قېرىغا ئايلىنىپ، كۆندە ياقاڭ بىلەن يېڭىڭگە ئېسىلىپ، ئېتەڭگۈچ ئۇچۇپ ئارامىڭدا قويمايدۇ. ئۇ تۇراقسىزلىقى، ۋاپاسىزلىقى بىلەن ئېرىنىڭ قولىدا ئۈچ ئايمۇ تۇرمىغان خوتۇنغا ئوخشايدۇ. شۇڭا كىم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىدىكەن، قىممەتلىك ھاياتىنى بىھۇدە سەرپ قىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر كۈنى ۋە ھەر بىر تىنىقى شۇنچىلىك قىممەتلىك ئىكەنكى، ئۇنى ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىپ نابۇت قىلىشقا بولمايدۇ. تىرىكلىك ياخشىلىقنىڭ
سەرمايىسى، سەرمايىنى جايىدا ئىشلىتىش لازىم. دۇنيا مېلى ھالال، ھارام، مەكرۇھ دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ، ھەممىسىنىڭ ھېسابى بولىدۇ. شۇڭا، ھارام بىلەن مەكرۇھنىڭ ئازابىدىن قورققىن. دۇنيا كىمنى سۆيۈندۈرگەن بولسا، ئارقىدىن قوغلايدۇ، مەئىشەت بىلەن خۇرسەن قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىن تاشلىۋېتىدۇ. ئالديدا نازۇنېمەت بىلەن سەمىرتىپ، ئارقىدىن يەنە قايغۇ-ئەلەم بىلەن جۈدىتىدۇ. خۇشاللىق بىلەن غەم-قايغۇ ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئۈچى نېمەت بولسا، تۆتى مېھنەت، بەشى مېھنەت بولسا، ئاخىرى نېمەت بولىدۇ. سەگەك تۇرۇڭلار شۇڭا: دۇنيادىن يىراق تۇرغىن، ئۇ ساڭا كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەن. بايلىق ئەمەلىيەتتە گادايلىقنىڭ بەلگىسى، ساڭا كىم پېقىر بولسا شۇنى باي دەپ بىل. بۇ ئالەمدە كىم سېنى ئىشلىتەلگەن بولسا، قارا يەر قېتىغا كىرگەندە سەنمۇ ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ ئۆچۈڭنى ئالىسەن. بىلىشكى، تۈزىگەن نەرسىلىرىڭ بوزۇلغۇسى، يىققانلىرىڭ چېچىلغۇسى. سەگەك بول، بۇ دۇنيا ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇ دۇنيا يېقىنلاپ كېلىدۇ. كېتىدىغىنى كۈنسېرى سەندىن يىراقلاشسا، كېلىدىغىنى تېز ئارىدىلا ساڭا يېقىنلىشىدۇ. بىلىمىلىك، ئەقىللىق ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆتۈپ كېتىدىغان تۇراقسىزغا كۆڭۈل بەرمەيدۇ، بەلكى كېلىدىغىنى كۈتۈپ ھازىرلىنىدۇ. ئۆلۈشنى بىلىدىغان ۋە ئۆلۈمنى كۆرگەن ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، ئۆزىنى ئالدىمايدۇ. يولۇچى دېگەن يولدا ئۆي سېلىپ ئولتۇرمايدۇ، كۆچۈپ كېتىدىغان ئادەم ئۆيىدە مال ساقلىمايدۇ. سەن دېگەن مېھمان، دۇنيا دېگەن قونالغۇ. مېھمان بولغۇچى مەڭگۈ تۇرىمەن دەپ ئويلىماسلىقى لازىم. شۇڭا، بۇ دۇنيا ئۆلۈمنىڭ مۇستەھكەم ئېتمەسلىكىنى بىلگەن زاھىت دۇنيانى تەرك ئەتتى، دەروىشمۇ پۈتۈن مال-مۈلكىنى بەدەل قىلدى. دۇنيا مېلى تۇزاققا چېچىلغان كۆرۈنمەس دانغا ئوخشايدۇ، ئۇ گۈزەل ياسانغان كېلىندەك كۆڭۈلنى ئوۋلايدۇ. غاپىل ئىنسان ھېرىسمەنلىك بالاسىدىن ئۇ
210
تۇزاققا ئۆزىنى ئۇرۇپ، شۇنداق تېگىدۇ-دە، پاچىقىدىن ئىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىساق، ئالەمدىكى بارلىق نازۇنېمەتلەرنى توپلاپ، مىڭ يىل ھالاۋەت ئىچىدە ياشىساقمۇ نېمە پايدىسى، ئاخىرى يەنىلا قارا يەرنىڭ قاتىغا كىرىدىغان ئىش ئىكەنغۇ؟! ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ چۈشكە ئوخشايدۇ. ھاياتلىقىدا نېمە ئىش قىلغان بولساق، شۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يىل، ئايلار قىلمىشلىرىمىزغا گۇۋاھ بولىدۇ، ئۇ چاغدا ھەر قانچە ئۆكۈنسەكمۇ پايدىسى يوق.
ئۆدغۇرمىش پىكىرلىرىنى يەنە مۇنداق ئۈچ ئىش بىلەن دەلىللەشكە تىرىشىپ، تۆۋەندىكىدەك ئاساسلارنى قويدى:
— بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى مۇشۇ ئۈچ نەرسىگە باغلانغان. بىرى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ لەززىتى، يەنە بىرى، ھەقىقىي سۆيگەن خوتۇن لەززىتى، ئۈچىنچىسى، سالامەتلىك لەززىتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سالامەتلىك لەززىتى ھەممىدىن مۇھىم. دۇنيانىڭ باشقا شادلىقلىرى بۇلارنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بىراق، بۇ ئۈچ تۈرلۈك لەززەتنىڭ جاپاسىمۇ باراۋەر تۇرىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنىڭ لەززىتى قوشقان چاغدىكى جاپاسىغا ئەرزىمەيدۇ. تائامنىڭ لەززىتى پەقەت يۇتۇق گالدىلا بىلىنىدۇ، تۆۋەنگە چۈشسە قارنىنى تويغۇزىدۇ، خالاس. ئەگەر تاماق سىڭمىسە مىجەزنى بۇزىدۇ، مىجەزىڭنىڭ بۇزۇلۇشى كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. كېسەل دېگەن ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگۈچىدۇر. ھەي سالامەت ئوغۇل، ئۆلۈمدىن لەززەت كۆرمەيسەن. خوتۇن سۆھبىتى توغرىسىدا گەپ قىلساق، ئۇ ھەقىقەتەن لەززەتلىك، ئۇنىڭ مېھنىتى سوغۇق سۇغا چۆشمەك. بولۇپمۇ ئوغۇل-قىزنىڭ يۈكىنى يۈدۈمەك بەك ئېغىر مۇشەققەتتۇر. خوتۇن ۋە پەرزەنتلەر ئەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى خورتىدۇ. خوتۇن سۆھبىتى ئەرلىك قۇتىنى سائەتتە-سائەتتە ئۆچۈرۈش ئۈچۈندۇر. كۆردۈڭكى، نەدە تاتلىق بولسا ئاچچىقمۇ ھەمراھ، چۈچۈكى بار يەردە ئاچچىقىمۇ تەييار. ئەگەر ئۇلارنى
ھاياتلىقنىڭ ھوزۇرى دەپ قارايدىغان بولساق، بۇ دۇنيانى مۇشەققەت يولى دېمەك لازىمدۇر. مېنىڭچە بۇ شېرىن تىرىكلىكنىڭ ئاخىرى ئاچچىق ئۆلۈم بەتتەم قىلىدو ئەمەسمۇ.
بۇ ھاياتلىقتا يەنە مۇنۇ ئۈچ دۈشمەندىن ھوشيار بولۇپ ياشىغۇلۇق. بىرى، مال-دۇنيا دۈشمىنى، يەنە بىرى، نەپس دۈشمىنى، ئۈچىنچىسى، دىن ئوغرىسى — شەيتان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قەبىھ دۈشمەن نەپس دۈشمىنى. ئاللا ئېگەم ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغاي. خۇدانىڭ نامىنى ئاتاپ شەيتاننى قاچۇرغىلى بولىدۇ. مال-دۇنيادىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن، لېكىن نەپس بالاسىدىن ئۆلگۈچە قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. بىلىملىك دانالار شۇڭا: جان-تەن بالاسى مېنى ھەممە مۇھتاجلىق ۋە مۇشەققەتلىككە مۇپتىلا قىلدى. ئۇ بەزىدە كۈلدۈرسە، بەزىدە يىغلىتاتتى. ئۇنىڭ كويىدا دۇنيانى كېزىپ بەزىدە ئاچ، بەزىدە توق يۈرمەكتىمەن، دېگەن. ئارزۇ-تىلەكمەن دېگەن مەڭگۈ قانمايدىغان ئايىغى چىقماس يول، بىر ئارزۇيۇڭ قانسا، يەنە بىرى تۇغۇلىدۇ، يەنە بىرىگە ئېرىشكەندە ئۇ ياۋۇز بەگ بولۇپ، قوشنىگە مىنىپ سېنى قۇل قىلىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ نەپس بالاسىنى ئاللا ئېگەم ئۆزى بېسىپ بەرمىسە، ھېچكىم ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەن تەقەززاسى شۇنداق رەھىمسىز، ھېيلىگەركى، ئۇنى سېمىز تۇتقانسېرى مۆڭگۈزى چىقىدۇ. كۆرمەمسەن، توسۇن ئات سەمىرىپ كەتسە، قۇتراپ ئىگىسىنى يەرگە ئۇرۇدۇ. ئوۋ ئىتىمۇ سەمىرىگەن سېرى ئىگىسىنىڭ ئەجرىنى ئۇنتۇيدۇ، قورسىقى تويىسىلا ئىگىسىنىڭ رايىغا باقمايدۇ، ئوۋغا يۈگۈرمەس بولىدۇ. كىچىك بالىنى ئالساق، قورسىقى تويىسىلا ئىشقا يارىمائ، ئويۇنغا يۈگۈرەيدۇ. شۇڭا نەپسنىڭ رايىغا باقماسلىق لازىمدۇر، بولمىسا بەدەن ھۆرۈنلىشىدۇ.
ھاياتلىقنىڭ مۇساپىسى پەقەت ئۈچ كۈنلۈكلا. بىرى، ئۆتكەن كۈنۈڭ — بىر قانچە كېچىلىك شېرىن چۈش، يەنە بىرى، بۈگۈنكى
212
كۈنۈڭ، بۇ كۈنۈڭ ئەتتىكى كۈنۈڭگە يېتەلەرمۇ؟ ئوچۇق ئېيتسايكى، بۈگۈنۈڭدىن نېرىقى ھاياتنى ھەرگىز تىرىكلىك ھېسابلما.
يەنە ساڭا كىشىلەرنى تېۋىندۇرىغان گالنىڭ لەززىتى توغرىسىدا ئازراق گەپ قىلاي. بىلسەڭ، گالنىڭ غېمى ۋە لەززىتى قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈن، بۈگۈنۈڭدىن باشقا يەنە نېمە پايدا كەلتۈرىدۇ؟ شۇڭا، قورساق تويدۇرۇشتا ئارپا بىلەن ھالۋا ئوخشاش، بەرىبىر ھەممىسى ئاشقازاننى تولدۇرۇيدۇ، ئېشىپ قالغاندا، كىرىدىغان يەر تاپالماي قالغاندا قانداق قىلىسەن. ھالۋا يەپ يات ياكى ئارپا بىلەن ئوپاچ ئىچ، ئەتىسى ئوخشاشلا قورساقنىڭ ئېچىپ قوپىدۇ. قارنى-كۆكسى مال-دۇنياغا توق بىر كەمبەغەل تەقۋادار شۇنداق دېگەن: سەن شېرىن-شېكەر نېمەتلەرنى يەپ ياتتىڭ، مەن كېپەك-تېرىق يەپ قانائەت قىلىپ ياتتىم.
ئىككىمىزنىڭ كۈنلىرىنىڭ سائىتى ئوخشاش ئۆتۈۋەردى.
ھېرىسلىك بىلەن مال-دۇنيا توپلىغان ئادەم ئۆلۈمنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويۇشى لازىم. ھەر قانچە دۇنيا توپلىساڭمۇ ئاخىرى ئىككى بۆزدەن باشقىغا ئىگە بولالمايسەن. ئادەم ئۆلۈپ گۆرىگە بارغاندا، باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ مەرتىۋىسى ئوخشاش. ئىككى كۈنلۈك ئۆتكۈنچى ئالەم ئۈچۈن ئۆزۈڭنى نېمانچە قىينايسەن؟ سەن دۇنياغا ھېرىسمەن، ئۆلۈم بولسا سېنى تۇتۇشقا، ئۆلۈكنى قەبرىسىگە ھېرىسمەن. ھەممە ئادەم شەكسىز ئۆلىدۇ، بىراق قايسى كۈنى ئۆلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئادەم دېگەن بالا چاغدا ساقال چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، تاڭ ئاتسا ياش بولۇشنى كۆتىدۇ. ساقال چىققاندا ئاقىرىشىنى كۆتىدۇ، خۇددى ياش بولسا قېرى بولۇشنى كۈتكەندەك. بىر كۈن ئۆتۈسە بىر كۈنلۈك ئۆمرۈڭنىڭ تۈگەيدىغانلىقىنى، ساقالنىڭ ئاقىرىشى ئۆلۈمنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆلۈمگە ھەر قانداق ئوقيا ۋە ياراغنىڭ ئارا تۇرالمايدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ. قاراپ كۆرسەڭ بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرى بىردە شۇرلۇق.
213
سوغا ئوخشاش ھەر قانچە ئىچسەكمۇ لېۋىڭ نەم بولمايدۇ، بىر دە سەراپتەك كۆز ئالدىڭدا پىلدىرلايدۇ، ئۇنىڭغا قانچە يېقىنلاشساڭ شۇنچە يىراقلىشىدۇ. ئىنساننىڭ ھىرىسلىق كۆزى ھەر قانچە دەريا كىرسىمۇ تولمايدىغان قۇمۇلۇققا ئوخشايدۇ. شۇڭا، ھاياتلىقنىڭ يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىگە بوي بەرمەسلىكنىڭ بىرلا يولى تەندىكى ھېرىسمەنلىكنى تاشلاپ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشتۇر. شۇڭا تەن مۈلكۈڭگە ئورۇن بەرمە ھەم بويۇن ئەگمە. ئۆتكەن ئۆمۈر قايتىلانماستۇر. قالغان ئۆمرۈڭنىڭ مۇساپىسى قانچىلىك، ئۆمۈر نامەلۇم، غەنىيمەت كۈنلىرىڭنى زايە قىلماي، ئىبادەت بىلەن ئۆلۈمگە ھازىرلىق قىلغىن.
ئۆزۈمدىن بېرى بۇ تاغدا تىرىكچىلىك قىلدىم. زامانلارنى ئۆتكۈزۈپ نەپسىمنىڭ پۇتىنى سۆندۈردۈم. ئەمدى بۈگۈن سەن كېلىپ مېنى شەھەرگە بېرىشقا ئۈندەۋاتسەن، مەن يەنە نەپسىمگە ئەسىر بولسام كىم قۇتۇلدۇرىدۇ، تەن مۈلكى ھەممە جايغا قاپقان قۇرغان ۋەھشىي دۈشمەن، ئەقىللىق ئادەم دۈشمىنىگە پۇرسەت بەرمەيدۇ. كىم ئۆز ئىشنى ھاۋايى-ھەۋەس كويىدا قىلىدىكەن ئۇ ئونىڭ دامىغا چۈشىدىكەن، ئۇنداق ئادەمنى بىلىملىك، ئەقىللىق ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. ھاۋايى-ھەۋەسكە باش بولغان ۋە نەپسكە ئەسىر بولغان كىشىلەر ئەڭ ئەقىلسىز، نادان كىشىلەردۇر.
مانا بۇ مېنىڭ دۇنيانىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرى ھەققىدە دەيدىغانلىرىم. بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي دېدىم، قالغىنىنى ئۆزۈڭ چۈشىنىۋالغىن.
ئۇدغۇرمىشنىڭ بۇ دۇنيا ھەققىدىكى يۇقىرىقى چۈشەنچىلىرى ئۆگدۈلمىشنىڭ كاللىسىدا تېخىمۇ يورۇق پىكىرلەرنى ئويغاتتى. ئۇ ئۇدغۇرمىشنى قايىل قىلماق بولۇپ، دۇنيا ئاستىسى بىلەنمۇ ئاخىرەتلىك ساۋابقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز ئاچتى.
214