تىزىملىك
تىل تاللاش:
3-قىسىم 20-باب ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى) ئودغۇرمىش (زاھىد)

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئودغۇرمىشقا دۇنيا ۋاستىسى بىلەن ئاخىرەتنى تېپىش ھەققىدە ئېيتقانلىرى

Ögdülmishning Odghurmishqa Dunya Wastisi Bilen Axiretni Tépish Heqqide Éytqanliri

ئۆگدۈلمىش ئۆدغۇرمىشنىڭ دۇنيانىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جاۋابەن ھاياتلىق دۇنياسى بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىقمۇ چوڭ ساۋابقا ئېرىشىش...

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆدغۇرمىشقا دۇنيا ۋاستىسى بىلەنمۇ ئاخىرەتنى تېپىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئۆگدۈلمىش ئۆدغۇرمىشنىڭ دۇنيانىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جاۋابەن ھاياتلىق دۇنياسى بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىقمۇ چوڭ ساۋابقا ئېرىشىش مۇمكىنلىكىنى مۇنداق بايان قىلدى:

— ھەي بەختلىك قاياشىم، سۆزلىرىڭنى تولۇق ئاڭلىدىم. ئەمدى مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ باققان. گەرچە بۇ دۇنيانىڭ بەزى ئىشلىرى سەن ئېيتقاندەك بولسىمۇ، لېكىن ئۆزۈڭنى ھاياتلىق پۇرسىتى ئۆز يولىنى ئۆزۈڭگە تار ۋە ئاچچىق قىلغۇلۇق ئەمەس. گۇناھكار بەندىلىرى ئۈچۈن ئاللانىڭ ئازابىمۇ بار، رەھمىتىمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا بۇ كەڭ جاھاننى زورمۇزور ئۆزۈڭگە تار قىلما. قاتتىق ئازابتىن قورققۇلۇق ھەم بەندىلىكنى ئادا قىلىپ، ئاللانىڭ رەھمىتىنى كۈتكۈلۈك. ئويلاپ باققىن، جاھان خەلقىنىڭ ھەممىسى شەھەر-كەنتنى تاشلاپ، بۇ ئېغىر يۈكنى يۈدۈپ تاغقا چىقىۋالسا، جاھان قانۇنى بۇزۇلۇپ، ھەممە نەرسە قۇرۇپ، ئىنسان بالىسىنىڭ ئۇرۇقى ئۈزۈلمەمدۇ؟ ئاللا ھەممە بەندىلىرى ئۈچۈن ئىككى ئۆي ياراتتى، بىرىنىڭ نامى جەننەت، يەنە بىرىنىڭ نامى دوزاخ. سەپەرلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق دۇنياسى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ چاپسىمۇ، ھەتتا تەنىنى تاشلاپ، مال-دۇنيا توپلاپ دوزاخ يولىنى تۇتسىمۇ، يەنىلا

تەڭرىنىڭ جەننىتى قۇرۇپ قالمايدۇ، بۇنى چۈشەن. ئاللا بەندىلىرىگە ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق ئاتا قىلدى، بىرىنى بۇ دۇنياغا باقسۇن، يەنە بىرىنى ئۇ دۇنياغا دەپ. ئىككى قولىنىڭ بىرىنى بۇ دۇنياغا، يەنە بىرىنى ئۇ دۇنياغا سۇنسۇن دېدى. يۈرۈش ئۈچۈن ئىككى پۇت ئىرادە قىلىپ، بىرىنى باقىي دۇنيا، يەنە بىرىنى پانىي دۇنيا ئۈچۈن باسسۇن دېدى. سەخىيلىقتا نامى مەشھۇر بولغان بىر دانىشمەن: ئەي ئەقىللىق بەندە، ئويغاق ياشا، گۇناھتىن ھوشيار بول، بالا كەلمىسۇن. ئاللا ئىككى دۇنيانى ياراتتى، بىرىنىڭ مەشغۇلىيىتىگە ئېرىشكەن بولساڭ، قولۇڭنى ئۇزۇن سوزۇپ يەنە بىرىنىمۇ قولغا كەلتۈر، دېگەن. خۇدا ئىنسان بالىسىنى ئادەملىك نامى بىلەن قورساقى ئاچىدىغان ۋە تويىدىغان قىلىپ ياراتتى. تىرىكلىك ئۈچۈن ئوچۇق كىيىم، قورساققا يېمەكلىك لازىم، بۇنىڭدىن كەچكىلى بولمايدۇ. قېرىندىشىم، ھالالدىن بايلىققا ئىگە بولساڭ، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بول، يوقسۇللارغىمۇ ئۈلەشتۈرۈپ بەر. ھەر دائىم ئاللانىڭ ئەدلىدىن قورقۇپ تۇر ھەم ئۇنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىشتىن ئۈمىد ئۈزمە. بەندىلىك دېگەن مانا شۇ ئىككى ئارىدا بولىدۇ، شۇڭا بۇ يولدىن ئاداشما. بىر بىلىملىك كىشى نادانلارغا نەسىھەت قىلىپ: ئۈمىد بىلەن قورقۇنچ ئىنسانغا ئىككى قاناتتەك، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يول تۇتقان كىشى كۆككە يول ئالالايدۇ، دېگەن. بەندىلىك بىلەن ئاللانىڭ يارلىقىنى ئورۇنداپ جەننەتكە ئۇچۇپ چىقىپ ھوزۇرىنى كۆرگىن. ئادەم گۇناھىم كۆپ دەپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى، تائەت-ئىبادەتكە تايىنىپ قويۇپ ئۆزىدىن باش تارتماسلىقى لازىم. ياخشى ئەمەللەرنى قىل، ياخشى ئەمەل بەندىلىكنىڭ قەرزى. خۇدانىڭ ئەمىرىنى ئەزىز، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشۇڭ لازىمدۇر، بۇ ئارقىلىق ئىززەتكە ئېرىشىسەن. ئۆزۈڭنى گۇناھقا باي، تائەتكە گادايدەك ھېسابلا. گەرچە سەن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى بىلەن سۆزى تۈزۈك دەپ

216

ماختالسەڭمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ئەڭ ئەسكىسى مەن دەپ، ئۆزۈڭگە قاتتىق تەلەپ قوي.

* * *

ئۆگدۈلمىش يۇقىرىقى بىر قاتار تەۋسىيىلىرى ئارقىلىق ئودغۇرمىشقا تەسىر قىلىپ، ئونى قايىل قىلماقچى بولدى. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، ئىختىيارنى ئودغۇرمىشنىڭ ئۆزىگە قويۇپ، مۇنداق دېدى:

— بىلگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ساڭا دېدىم، سۆزۈمگە ئەمەل قىلىپ، قىيامەتتە ئەجىرىنى كۆرگەيسەن. ئەگەر تەۋسىيەمنى قوبۇل قىلمايدىغان بولساڭ، ئېنىق جاۋاب بەرگىن، مەن قايتىپ كېتەي. كۆپ گەپ قىلغاننىڭمۇ پايدىسى يوق، گەپ ئوزاراپ كەتسە مەززىسى كېتىدۇ.

ئودغۇرمىش بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئېلىپ، ناھايىتى ئۇزۇن ئويلاندى. بىر ئازدىن كېيىن يەنە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆگدۈلمىشكە ئۆزىنىڭ ئۆزرىسىنى ئېيتتى:

— ھەي قېرىندىشىم، مېنىڭ غەمىمنى يەپ كۆپ جاپا چېكىپسەن. يېقىنلىقىڭدىن ماڭا ياخشىلىق تىلەپ نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلدىڭ، ئاللا ئەجرىڭنى بەرگەي. گەپلىرىڭ توغرا بولسىمۇ، بىراق قاراپ كۆرسەم مەن ئېيتقان بۇ ئىشلار ئۈچۈن مەندە ھېچقانداق سالاھىيەت يوق ئىكەن. بۇ ئىشلارنى كۆڭلۈم تارتمايۋاتىدۇ، كۆڭۈل خالىمىغان ئىشتىن خەتەر چىقماي قالمايدۇ. شۇڭا كىشىنى سۆيۈندۈرگۈچى دانالار ئېيتقانكى: «قانداق بىر ئىشنى قىلىشنى ئويلىساڭ، ئالدى بىلەن كۆڭلۈك بىلەن ئوبدان كېڭەش قىلغىن، باشقىلارغىمۇ مەسلىھەت سال، لېكىن كۆڭلۈك خالىمىسا، ئۆزۈڭنى قاچۇر.» كۆڭۈل خالىمىغان ئىشتىن نەپ چىقمايدۇ. سەن دېگەن ئىشلارنى كۆڭلۈم تارتمىدى، شۇڭا

بۇنىڭدىن دەرەال يانمىقىم تۈزۈك. ەەي دوستۇم، مېنىڭ ئۆزۈم ۋە ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، مېنى ئۆزۈمنىڭ مەشغۇللۇقۇمنى قىلىشلىق قوي. خانىغا يارىغۇدەك پەزىلەتلىرىممۇ يوق، قىلىقىم، سۆز-ەەركەتلىرىممۇ شەەەرگە، ئوردىغا مۇناسىپ ئەمەس. دۇنيانى تەرك ئېتىپ تاغقا ئۆزۈم كەلدىم، يەنە نېمە دەپ ئۇ تەرەپكە بارالايمەن؟ مەنۇدەك ئىبادەت قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەمگە بەندىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ياراشامدۇ؟! مېنى تەقدىرىمنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغىن. مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئەلگە قىلىدىغان ياخشىلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئاگوئى بولاي. ئىككىمىز سېغىنىشىپ كۆرۈشمەسكەچ بولساق، سەن كەلمە، مەن ئۆزۈم ئىزدەپ باراي، جاپانى مەنلا تارتان. سەن ئېلىكنىڭ خىزمىتىنى توغرا بەجا كەلتۈرۈپ، ئەلگە پايدىلىق ئىشلارنى قىل. ساداقەتمەن بىر خىزمەتچىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى يادىمدا: قەلبىڭ ھاياجانلىنىپ، دىلىڭ يورۇسا، ئۈمىد قىلغان ئىشىڭ يېقىنلاشتى دېگەن گەپ، ئادەم ئۆز ئارزۇسى يولىدا ئىشەنج بىلەن ماڭسا، ەېرىپ قالماي چوقۇم تىلىكىگە يېتىلەيدۇ. ئاپا بىلەن دائىق چىقارغان بىر ئاشىقنىڭ گىپىنى ئېيتىپ بېرەي، ئۇ: كۆڭۈل يېقىن بولسا، يىراق يەرمۇ يېقىن بولىدۇ. يېقىنلىق ئاپاسىنى كۆڭۈل قېتىدىن ئاختۇر. ۋاپادارلىق بىلەن كۆڭۈلنى چۆشەنكۈچىگە شەرقنىن-غەربكە بىرلا داۋان يولدۇر، دېگەن.

ئىلاجسىز قالغان ئۆگدۈلمىش ئۆدغۇرمىشقا مۇنداق دېدى:

— قەدىرلىك قېرىندىشىم، سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم. ئەگەر مەقسەت شۇ بولىدىغان بولسا، بولدى ئەمدى سېنى زورلىمايمەن، كۆڭلۈڭنى مۇنچە يارا قىلما، ئۇنىڭدىن باشقا سۆزۈم يوق، ئېسەن بولغىن. ئاخىرقى تەلەپىم، مېنىڭ ئېلىگ ئالدىدا يۈزۈمنىڭ قىزارماسلىقى ئۈچۈن بىر پارچە نامە يېزىپ بەر. ئالىملىرى ئۆز قولى بىلەن ساڭا مەكتۈپ يېزىپ ئەۋەتكەندىكىن، ئۆزۈڭ بارمىساڭمۇ ئۆنىڭگە جاۋابىنى ئەۋەتكىن. نامىنىمۇ ياز،

218

كۆڭلۈڭدىكىنىمۇ ئوچۇق بايان قىل، قايتىپ بېرىپ ئېلىگكە ئۆز ئەينىنى يەتكۈزەي.

ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېلىگكە نامە يېزىشقا تۇتۇندى.

ئاۋازلىق كىتاب
20-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ ئودغۇرمىشقا دۇنيا ۋاستىسى بىلەن ئاخىرەتنى تېپىش ھەققىدە ئېيتقانلىرى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--