تىزىملىك
تىل تاللاش:
3-قىسىم 23-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى) ئودغۇرمىش (زاھىد)

ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىشنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇنازىرىسى

Ögdülmish Bilen Odghurmishning Ikkinchi Qétimliq Munazirisi

ئۆگدۈلمىش ئىلىگنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئودغۇرمىشنى ئوردىغا بېرىشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل تۇلپارىنى ئىشقا سېلىپ، سۆز گۆھەرلىرىنى مۇنداق تىزدى:

ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىشنىڭ مۇنازىرە لەشكىرىنى ئىككىنچى قېتىم جەڭگە سالغانلىقى

ئۆگدۈلمىش ئىلىگنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئودغۇرمىشنى ئوردىغا بېرىشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل تۇلپارىنى ئىشقا سېلىپ، سۆز گۆھەرلىرىنى مۇنداق تىزدى:

— ھەي قاياش، سۆزلىرىمنى بىلىپ ئاڭلا، ئىلىگنىڭ ئۈمىد-خاھىشى سەن ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇ سېنىڭ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشىڭغا سورۇن ھازىرلىماقچى، ياخشىلىق قىلىشىڭ ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرمەكچى. بىلسەڭ، بۇ ساڭا بىر ياخشى پۇرسەت، سېنىڭمۇ بۇ خىلۋەتگاھدا تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشۇڭمۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ساۋاب ئىشىكىنى ئېچىشقۇ؟ ئۆتكەندە ئېيتقىنىمدەك، شەھەردە ھەتتا سەن ئېيتقاندىنمۇ ساۋابلىق ئىشلار بار. بۇ دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ياخشى ئاتاق قازىنىپ ياشاش يامان ئىش ئەمەس. ئاخىرەتلىكىڭنى ئىزدىمەكچى بولساڭ، مۇرۇۋۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىشىڭ كېرەك ئەمەسمۇ؟! دۇنيا نېمەتلىرىنى يامان كۆرمە، يەپ-ئىچىپ يەنە خەلققە بەرسەڭ يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ. سەخىيلارنىڭ كاتتىسى شۇنداق دېگەن: «مال-مۈلۈك جەمئىي ياخشىلىقنىڭ يولباشچىسى، ئۇ ھەم ھەر خىل كېسەلنىڭ ئەمچىسى. مال-دۇنيالىق كىشى بىلىملىك، ئەقىللىق بولىدۇ، ھەر خىل خاسىيەتلىك ئىشلارغا قول ئۇزىتالايدۇ.» شۇنداق،

236

مال-بىساتلىق ئادەم كۆك ئاسمانغا يول ئالماقچى بولسىمۇ مال-بىساتى ئۇنىڭغا يۆلەك بولىدۇ. تىلىكنىڭ ھەج قىلماق بولسۇن ئۆ ياكى غازىلىق ئۆمىدە بول، كارغا يارايدىغىنى يەنىلا مال-دۇنيا. ئەگەر ئالغاننى قايتۇرغاندا بىساتلىك بولمىسا، ھەر قانداق ساخاۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن قولۇڭ قىسقا بولۇپ قالىدۇ.

ھەي پاك قېرىندىشىم، شۇنچە ياخشى نەسەھەتلەرنى قوبۇل قىلماي، نېمە ئۈچۈن تالاي ساۋابلىق ئىشلارنى تاشلاپ قويىسەن؟! قۇرۇق ئىبادەتكىلا ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. كىشى ئىبادەتكىلا تايىنىپ يۈرسە ھەممىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئاللانىڭ ۋىسالىغا يېتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئىبادەت يولى شۇنچىلىك نازۇككى، يىللاپ كېچە-كۈندۈز ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان مىڭلىغان ئادەم جېنى چىقىدىغان چاغدا يولدىن ئېزىپ دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ، يەنە مىڭلىغان تائەتسىز گۇناھكار بەندىلەر ئاخىرقى تىنىقىدا توغرا يولغا سېلىنىپ جەننەتكە يۈزلەندۈرۈلىدۇ. خۇدايىمنىڭ ھەممە رازىلىقى تائەت-ئىبادەت بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىراق ھەقىقىي تائەت-ئىبادەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن كىشى ئۆزىنىڭ قايسى تائىتىنىڭ مەقبۇل بولىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ. شۇڭا، تائەتنىڭ لەززىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن لازىملىق ھەممە تائەتلەرنى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىش زۆرۈر. دېگەنلىرىم توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا تاپساڭ تەكلىپىمگە كۆنگىن، ھەۋەسىنى تاشلاپ خاتىرجەملىكنى تىلەپ، ماڭا ماقۇللۇق بەرگىن.

— مېنى تولىمۇ غەمگە سالدىڭغۇ، — دېدى ئودغۇرمىش ئىلاجىسىز قالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالماي، — ئىشىمنى زەھەر قىلدىڭ. ماقۇل، سۆزلىرىڭنى ئىلىك ئالغانمۇ بولاي، ئوردىغا بېرىپ خىزمەت قىلىمىمۇ دەي، بىراق ئوردىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قائىدە-يوسۇنلارنى ياخشى بىلىشىم، سۆز-ھەرىكەتلىرىم قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكقۇ؟! كىرىپ-چىقىش،

ئولتۇرۇپ-قوپۇشتا قائىدە-يوسۇنلارنى ياخشى بىلمىسەم، خىزمەت قىلىش يوللىرىنى ئوقۇمىسام بىكاردىن-بىكارغا رىيازەت چېكىشتىن نېمە پايدا؟! ئوردا خىزمىتىدە پىشقان بىر كىشى مۇنداق دېگەن: «بەگلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلماق بولساڭ، تىلىڭ بىلەن دىلىڭ دۇرۇس بولسۇن، سۆزلىرىڭنى بايقاپ سۆزلە، خىزمەتنى قائىدە-يوسۇن بىلەن قىلىشنى ئۆگەن. كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت قىلالىساڭ يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ.» مەن جامائەتتىن ئايرىلىپ ياشاپ كېلىۋاتىمەن، سۆز-ھەرىكەتلىرىم قائىدە-يوسۇندىن يىراق، شۇنداق ئەھۋالدا بېگىمگە قانداقمۇ ياخشى خىزمەت قىلىپ بېرەلەيمەن. مېنى ئۆنچە زورلىما، سۆزۈمنى رەت قىلما، مەن ئۈچۈن بۇ ئىشىكلەر يېپىلغان.

— بۇ گەپلىرىڭ ياخشى بولمىدى، ھەي توز كۆڭۈل قېرىندىشىم، — دېدى ئۆگدۈلمىش، — تىلىڭ ساڭا ئونداق قائىدە-يوسۇنلارغا بويسۇنۇش تەلىپىنى قويمايدۇ، ئولتۇرۇش-قوپۇش ئۆنچە مۇھىم ئەمەس.

— ئونداق دەپ قارىساڭ بولمايدۇ، — دەپ ئېتىراز بىلدۈردى ئودغۇرمىش، — ئەدەپ-قائىدە ۋە ئوردا يوسۇنلىرىنى بىلمەي ھاڭۋاقىپ تۇرۇش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس. بەگلىرىنىڭ ئىززىتى ئەلنى راۋاج تاپتۇرۇش. ئەلنىڭ راۋاجى، ئەلنى تۈزەپ دۇنيانى پاكلاش قانۇن-قائىدىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بەگلەر شۇنىڭغا مۇناسىپ ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئەمىر-پەرمان چۈشۈرىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا بەگنىڭ قۇدرىتى ئاشىدۇ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى سوندۇرۇپ، بويىغا دەسسەپ، ئەلنىڭ ئىنتىقامىنى ئالالايدۇ. بىز مانا شۇ قانۇن-تەرتىپنىڭ تۈزگۈچىلىرى تۇرۇغلۇق، ئۆزىمىز قانۇن-تەرتىپنى بۇزساق ياراشامدۇ؟

— قېرىندىشىم، تائام يېيىلگەندىن كېيىن ھەزم بولىدۇ.

ئەگەر سەن ئوردىدا يوسۇنلارنى بىلمەسلىكىڭدىن ئەنسىرىسەڭ، ئۇ ئانچە قىيىن ئىش ئەمەس. خالىساڭ مانا مەن ساڭا زۆرۈر قائىدە-يوسۇنلارنى سۆزلەپ بېرەي. بىلمىگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا دانالار: ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئالىم بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، كېيىن ئۆگىنىدۇ، تىلمۇ تۇغۇلۇپلا سۆزلىمەيدۇ، كېيىن ئۆگىنىپ سۆزلەيدۇ، دېيىشكەن.

— بۈگۈن سەن مېنى تولىمۇ قىستاواتىسەن. بوپتۇ، خاھىشىڭ شۇنداق بولىدىغان بولسا قېنى ئېيتىپ باققان، بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قانداق يوسۇنلىرىنى بىلىمەك لازىم، بىر-بىرلەپ نامىنى ئاتاپ دەپ باق، كۆڭلۈمگە سىغامدۇ، قېنى ئاڭلاپ باقاي، — دېدى ئودغۇرمىش. ئۇ بىر دەم ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگدۈلمىشنىڭ پاراستى ۋە بىلىم قابىلىيىتىنى سىنىماق بولاتتى.

— ھەي دانىشمەنلەرنىڭ ياخشىسى، مانا بۇ گېپىڭ ياخشى بولدى، بۇرۇنقى يولۇڭ ئەقىلدىن يىراق ئىدى، ئەمدى سۆزۈڭنىڭ ئولىنى توغرىلىق ئۈستىگە قوردۇڭ، كۆڭلۈڭدىكى تۈگۈن شۇ بولىدىغان بولسا، ئۇنى يېشىشكە مانا مەن تەييار.

ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ ئېلاجىسىزلىقىنى ماقۇللۇق دەپ چۈشىنىپ، ئوردىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلارنى مۇنداق بايان قىلدى.

239

ئاۋازلىق كىتاب
23-باب: ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىشنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇنازىرىسى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--