تىزىملىك
تىل تاللاش:
3-قىسىم 24-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى) ئودغۇرمىش (زاھىد)

ئۆگدۈلمىشنىڭ بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بايان قىلغانلىقى

Ögdülmishning Beglerge Xizmet Qilishning Qaide-Yosunlirini Bayan Qilghanliqi

— خىزمەت قىلغۇچى كىشى ئىككى خىل بولىدۇ، — دەپ سۆزنى باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — بىرى، بالا چاغلىرىدىلا ئوردا خىزمىتىگە كىرىدۇ، يەنە بىرى، چوڭ بولغاندىن كېيىن خىزمەتكە كىرىدۇ. ئوردىنىڭ...

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئودغۇرمىشقا بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بايان قىلغانلىقى

— خىزمەت قىلغۇچى كىشى ئىككى خىل بولىدۇ، — دەپ سۆزنى باشلىدى ئۆگدۈلمىش، — بىرى، بالا چاغلىرىدىلا ئوردا خىزمىتىگە كىرىدۇ، يەنە بىرى، چوڭ بولغاندىن كېيىن خىزمەتكە كىرىدۇ. ئوردىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى كىچىكىدىن باشلاپ خىزمەت قىلىپ كۆڭۈلنى توختاتقان تۈزۈك. مەن ساڭا ئادەتتىكى كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ ئوچۇق سۆزلەپ بېرەي. سۆزنى يوشۇرسا، ئىشنىڭ ئاخىرى خام قالىدۇ، خام ئاش قورساقنى ئاغرىتىدۇ. پۇختىلىق سۆزنىڭ پىششىقلىقى بىلەن، پۈتۈنلۈك سۆزنىڭ دۇرۇسلۇقى بىلەن بولىدۇ.

خىزمەتكە ياراپ يول ئاچاي دېگەن كىشى ئىشنى كىچىكىدىن باشلىشى، كىرىش-چىقىش، ئولتۇرۇش-قوپۇش بولسۇن قائىدە-يوسۇنلارنى پۇختا ئۆگىنىپ، ھەرىكەتنى تۈزىتىشى لازىم. سەھەر قوپۇپ خىزمەتكە تەييار تۇرمىقى، كەمتەر بولۇپ كۆڭۈل، تىلىنى كىچىك پېئىل تۇتمىقى لازىم. ئۇنىڭ قولى دىك، كۆزى ئۆتكۈر، ئايىغى چاققان بولسۇن. ئۆزىدىن ئولۇغقا خىزمەت قىلغاندا تيلغا بەك ھېزى بولۇش كېرەك. كىرىپ-چىقىشتا، بېگىگە ئىشلارنى مەلۇم قىلغاندا قائىدىگە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ تەرەپلەردىن تولۇق يېتىلگەندە بەگلەر ئۇنىڭ قايسى ئىشقا يارايدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلىيدۇ. ئىشقا چەبدەس،

يۈرۈش-تۇرۈشى تىك بولسا، ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مەردانە بولسا ئوقياچى بولىدۇ، ئىش-ھەرىكىتى توغرا كىشى تامغىچىلىققا قويۇلۇدۇ. تەبىئىتى پاك، چىراي-تۇرقى چىرايلىق ئەر ئىشىكچىلىككە قويۇلۇدۇ. ھېساباتقا پۇختا بولسا خەزىنىدارلىققا قويۇلغۇسى، ئاقىللار بولسا پوتوكچى مەرتىۋىسىگە ئېرىشكۈسى. بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ قايسىسىغا مۇيەسسەر بولسا، ئىشنى ئېھتىيات بىلەن جايىدا قىلغۇلۇق. جايدا خىزمەت قىلىپ مۇراپىغا يەتكەن بىرى بەگلەر بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرغاندا، ئۆزىنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بەگلەر بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرغاندا ئۆزۈڭنى كۆزىتىپ، ئەيمىنىش بىلەن تۇرغىن، ئىش-ھەرىكىتىڭنى تۈز قىل. تىلىڭ بىلەن دىلىڭ تۈز، سۆزۈك قىسقا بولسۇن.» بەگلەر بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرغاندا كۆزۈڭ يەردە بولسا، قولۇڭنىڭ تۆردە بولسۇن، ئىككى پۇتۇڭ تۈز تۇرسۇن، ئوڭ قولۇڭنى سول قولۇڭنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قول باغلاپ تۇر. ئىشىكتىن ئوڭ پۇتۇڭنى ئېلىپ كىرىپ، ئەمر-پەرماننى زېھىن قويۇپ ئاڭلا. بەگلەرگە ئىلتماس قىلغاندا، ئىككى قولۇڭنى تاشلاپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئوڭ-سولۇڭغا قارىماي ئەدەپ بىلەن سۆزۈڭنى ئاڭلا. گەپ سورىسا توغرا جاۋاب بەر، يارلىق قىلسا جايىدا ئىجرا قىل. ئېرىنچەكلىككە بېرىلمە، بىكار لاغايلاپ يۈرمە، يارماس، ناچار ئىشلاردىن يىراق بول. بەزى ئىشلارنى كۆرسەڭمۇ كۆرمەسكە سال، بەزى سۆزلەرنى ئاڭلىساڭمۇ ئاڭلىماسقا سال. شۇنداق قىلالىساڭ ئىشىڭ روناق تېپىپ، بەختىڭ كۈنسايىن ئېچىلىدۇ. چۈنكى ياخشى خىزمەت تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يورۇشتۇرغۇچىسى، ياخشى دوستلارغا ئېرىشتۈرگۈچى ھەم يۈزۈڭنى يورۇتقۇچىدۇر.

بۇنداق خىلانلانغان ياراملىق خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىسى قوشۇن سەردارى بولسا، بەزىلىرى ھاجىپلىق مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ. بىرى سۇ باشلار ئەر ئورنىدا ئولتۇرسا، بىرى پاراستى ۋە مول…

241

تەجرىبە-ساۋاقلىرى بىلەن ئاقىلدانلىققا قويۇلىدۇ. بەزىلىرى كۆك ئايۇق نامىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن قالغانلىرى بولسا ئىنانچ بەگ①، چاغرى بەگ②، تېكىن بەگ③، چاۋلى بەگ④، يابغۇ⑤، يۇغرۇش⑥، مۇشائۇر قاتارلىق ئورۇنلارغا قويۇلۇپ، ئەل ئىچىدە قولىنى ئۇزارتىدۇ. بەگلەر قول ئاستىدىكى خادىملىرىنى تۆھپىسىگە يارىشا ئاشۇنداق ئورۇنلارغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالسا، ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەگلەرمۇ روناق تېپىپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياراملىق تەرەپلىرىگە ئېرىشىدۇ. يۇقىرىقى مۇبارەك ئورۇنلارغا يارامسىز، ناچار كىشىلەر قويۇلۇپ قالسا، ئولاردىن ئەلگە ئېغىر زىيانلار كېلىدۇ. شۇڭا، لاياقەتسىز كىشىلەرگە ھەرگىز يوقىرى ئورۇننى بەرمەسلىك كېرەك. بەگلەرنىڭ ياراملىق دانىشمەنلىرى شۇڭا: ھەي بەگ بولغۇچى، بىلىمسىزگە ھەرگىزمۇ قول بەرمە. ئەقىلسىز، بىلىمسىز كىشىلەر ئەلنى قاچۇرىدۇ، دەپ ئېيتقان. ئەقىلسىز، بىلىمسىز، يارامسىز كىشىلەر يوقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرۈلسە، ئونداق ئادەم ئاخىرى ئۆزىنىڭ بېگىنىڭ بېشىنى يېيىشكە يارايدۇ. شۇڭا، بەگلەر ئەھۋال-مەرتىۋىگە ئادەم بەلگىلىگەندە، ئونىڭ ئورنىنى بىلىم-قابىلىيىتىگە يارىشا بېكىتىشى زۆرۈر، ئونىڭ خۇي-پېئىلىنى ياخشى سناپ، مۇناسىپ ئىشقا قويۇشى لازىم.

قولدا ساداقەت ۋە ئەقىل بولسا، بەگدىن ئۇنىڭغا ئېھسان ياغىدۇ. قانۇن تۈزۈپ، ئەلنى قانۇندىن بەھرىمەن قىلغۇچى بىر بەگ شۇنداق ئېيتقان: چاكار ھەر قانچە يوقىرى مەرتىۋىگە

  • ① ئىنانچ بەگ — قاراخانىيلار دەۋرىدىكى يوقىرى مەنسەپ نامى.
  • ② چاغرى بەگ — قاراخانىيلار دەۋرىدىكى يوقىرى مەنسەپ نامى.
  • ③ تېكىن بەگ — قاراخانىيلار دەۋرىدىكى يوقىرى مەنسەپ نامى.
  • ④ چاۋلى بەگ — قاراخانىيلار دەۋرىدىكى يوقىرى مەنسەپ نامى.
  • ⑤ يابغۇ — خەلق ئىچىدىن چىقىپ، خاقاندىن ئىككىنچى دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا بېرىلىدىغان ئونۋان.
  • ⑥ يۇغرۇش — مەنسەپ نامى.

ئېرىشسىمۇ ئۇ يەنىلا بەگنىڭ چاكىرى، بەگ قانچىلىك كىچىك بولسىمۇ ئۇ رەھبەر بەگ، چاكار بىلەن بەگ ھەرگىزمۇ تەڭ بولالمايدۇ. بېگىڭ سېنى قەدىرلەپ بۈيۈكلۈككە ئېرىشتۈرگەن ئىكەن، سەنمو بېگىڭنى ھەقىر كۆرۈپ قارشىلاشما، ئۇنىڭ كەينىدىن يامان سۆز-چۆچەك تارقاتما. بەگ دېگەن بەخت، ئۇ بەخت قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدۇ. ئۇ ھەم ئوت، ئوت دېگەن ھۆل-قۇرۇق دېمەي كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ھەم زاماندۇركى، زامانغا كۈلۈپ-يايراپ باقماق لازىمدۇر. بەگلەرنىڭ كۈلكىسىگە ئالدانما، تۆھپىگە ئىشىنىپ مەغرۇرلانما، گۇناھ سادىر قىلساڭ تۆرۈلۈۋاتقان قاپىقىڭنىمۇ ئۇنتۇما. بەگ دېگەن بەزىدە ئوت بولۇپ كۆيدۈرسە، بەزىدە سۇ بولۇپ كۈلدۈرىدۇ. ئۇ سېنى ئۆزىگە قانچىلىك يېقىن تۇتقانسېرى، ئۆزۈڭگە تېخىمۇ ئېھتىيات قىل، ئەڭ مۇھىمى خىزمەتتە يېڭىلىپ يولدىن ئازماسلىققا تىرىش.

زەھەر سېلىپ قارىساڭ، بەگ دېگەن جەسۇر ئارسلانغا ئوخشاش، ماختاپ تۆكنى ئوڭ سىلىساڭ، يۇمشاق ئۆپكىدەك بولىدۇ، ئەگەر تۆكنى تەتۈرىگە سىلىماق بولساڭ، غەزەپلىنىپ بېشىڭنى يەيدۇ، تومۇرۇڭنى يېرىپ، قېنىڭنى سۈمۈرۈپ ئىچىدۇ. بەگلەر غەزەپلىك ھالدا تۇرغاندا ئۇنىڭدىن نېرى بول، سورىسا جاۋاب بەر، چاقىرسا كىر. چۈنكى «كەس» دېگەن ئىلتىپات ئۆزۈڭگە قەدىر-قىممەت كەلتۈرىدۇ، «چېقى» دېگەن سۆز يۈزۈڭگە ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىل، ئۆزۈڭنى تۇتۇش ئەزىزلىك تونىنى كىيدۈرىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويايكى، مۇشۇ ئۈچ ئىشتىن يىراق تۇرۇشقا تىرىش: بىرىنچى، بەگلىككە ھېرىسمەن بولما. ئىككىنچى، ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىما. ئۈچىنچى، يالغانچىلىق بىلەن ئۆزۈڭنى ئىشەنچسىز قىلىپ قويما. بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ئاخىرى يوقلۇقتۇر. كىشىلەر بىلەن دۈشمەنلەشمە، سۆزۈڭنى يوشۇرماي دۇرۇس سۆزلە. ئۆزۈڭنى ھەر جەھەتتىن پاك تۇت، بەگلەر پاكلىقنى سۆيىدۇ. ئوردىغا كەلگەندە

243

چېچەن بول. سېنى قەدىرلىگەننى سەننۇ ئەزىزلە، كۆرەڭلەپ قوللىرىڭنى شىلتما، سالامنى چىرايلىق بىلەن ئىلىك ئال، ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر، تەكەببۇرلۇق بىلەن باشقىلارنى رەنجىتمە، سىلىق بول، گال قىپىشتىن، كەلسە-كەلمەس تۈكۈرۈشتىن ساقلان. بۇنداق قىلىقلار ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ، كىشىلەرنىڭ تاۋىنى بۇزىدۇ، غەشلىكىنى كەلتۈرىدۇ. يەنە بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرما، يانپاشلاپ ياتما، قاقاقلاپ ئارتۇق كۈلمە، پۇتۇڭنى ئالماپ ئولتۇرما، كەلسە-كەلمەس يەردە تىرناق ئالما، بولمىسا كىشىلەر نەزىرىدە خارلىققا قالىسەن، ئۆزۈڭدىن بەختنى، ئامەتنى قاچۇرىسەن. چوڭلار گەپ-سۆز قىلىۋاتقاندا زېھىن قويۇپ ئاڭلا، سۆزلەش توغرا كەلسە ئۆزۈڭگە مۇناسىپ سۆزنى قىلىپ، يۈزۈڭنى يورۇق قىل. ئوردىغا مەست ھالەتتە كىرىگۈچى بولما، مەستلىك يارىماسلىق ۋە ئەدەپسىزلىكنىڭ ئانىسى. ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىلمىسەڭ، مۇشۇ ئۈچ ئىش ئاخىرى بېرىپ بېشىڭغا چىقىدۇ. بىرى، بەگلىرىڭنىڭ سىرىنى مەخپىي تۇتالىمىساڭ، ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ شېرىن جېنىڭدەك ساقلىيالىمىساڭ. ئىككىنچى، توغرا، ھەققىنى مەيداندا تۇرالىمىساڭ. ئۈچىنچى، ئۆزۈڭنى تۇتالماي، يارىماس، نالايىق ئىشلاردىن خالى بولالمىساڭ. بۇ ئۈچ يارماس ئىشنىڭ قايسىسىغا ئىلىنىپ قالساڭ، ھەر قانچە ئۇلۇغ بولساڭمۇ ئۆز بېشىڭغا چىقىسەن.

ئەگەر بەگلەر سېنى تائامقا تەكلىپ قىلغان بولسا ۋاقتىدا بارغىن. «بىسمىللا» دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىكى تائامغا قول سۇن، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تائامغا قولۇڭنى ئوزاتما. ئۇنداق سورۇندا قولۇڭغا پىچاق ئالما ھەم ھايۋاندەك سۆڭەك غاجىما. باشقىلارنى تائامقا ئۈندەپ، ئۇلارغا يىمەك سۆڭگۈتمە. تائامنى يالماۋۇزدەك ئالدىراپ يىمە، ئاياللارغا ئوخشاش نازلىنىپمۇ ئولتۇرما، ھەر قانچە توق بولساڭمۇ، ئازراق ئېغىز تەگكۈزۈشۈڭ لازىم.

244

قانداق ئىشقا قول تىقساڭ ۋۇجۇدۇڭ بىلەن بېرىلىپ قىل، كۆزۈڭ ئېچىلىدۇ. ئەگەر ساڭا بەگلىك تېگىپ قالسا، بىلىم بىلەن ئىش قىلغايسەن، يابغۇلۇق مەرتىۋىسى بولسا، ھەر قانچە قۇدرەتلىك بولساڭمۇ ئابادانلىقنى ئۆزۈڭگە مىزان قىل. ئەگەر تەڭداشسىز قوشۇن سەردارى بولساڭ سېخىيلىق ئادىتىڭ، ھوشيارلىق ھەمراھىڭ بولسۇن. چېۋەندازلىق بىلەن ئون ئوتاغ¹ مۇناسىپ تېگىپ قالغۇدەك بولسا، قورال-ياراغنى تەق قىل. ئۆزۈڭنى تېگىپ قولۇڭ ئۆزۈن بولسا، سىلىق-يۇمشاق بول، قانۇننى يامان تۈزمە. مەسلىھەتچىلىك شەرىپىگە ئېرىشسەڭ، توغرا مەسلىھەت بېرىپ، بەگكە يول كۆرسەت. كۆك ئايۇقلۇق ئورنىدا بولساڭ بەخت كەمىرىنى چىڭ باغلاپ، ئۆزۈڭنى ياخشى تۇت. ھاكىم ياكى قوماندان بولۇپ قالساڭ، توغرىلىقنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىل، كۆز-قولۇڭ ئىتتىك بولسۇن. ھاجىپلىق نېسىپ بولۇپ قالسا، ھەرگىز پارا ئالما، كەمبەغەل، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بول. پۈتۈكچىلىك ئورنىدا ئولتۇرساڭ، سىرىڭنى كۆڭۈل قورغىنىڭدىن ھەرگىز چىقىرىپ سالما. خەزىنە ئاچقۇچىنى تۇتساڭ ئىشەنجىلىك، دۇرۇس، پاك بول.

ئەمەللەرنىڭ مۇھىملىرى شۇ، قالغانلىرى شۇلارغا بويسۇنۇدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا توشەكچى، قوشچى ۋە ئاشپەزگە ئوخشاش خىزمەتچىلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ راھىتى بىر بولسا، مۇشەققىتى مىڭ.

قىسقىسى، خىزمەتچى، بېگىنى ئۆزىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى كېرەك. ئۇلۇغلۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلۇغلار كەلگەندە ئورنىدىن تۇرۇش ئەزەلدىن تارتىپ قائىدىغۇ؟ ئۇلۇغلۇققا ھۆرمەت يارىشىدۇ. بۇنىڭدىن كىچىكلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى تاپىدۇ.


① ئون ئوتاغ — ئون چېدىر باشلىقلىقى.

245

تۆگدۆلمىش بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە ۋە ئۆلچەملىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بولۇپ:

— بەگ خىزمىتى ماڭا شۇنداق ئورۇندالسا ياخشى ئادا قىلغانلىق بولامدۇ، مەن بۇلارنى تۈگەل سۆزلىدىم. يۇقىرىقىلارنى بىلىپ توغرا ئىشلەتسەڭلا ئەلۋەتتە بەگكىمۇ يارايسەن، مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسى سەن ئۈچۈن ئوچۇق بولىدۇ، — دېدى.

— ياخشى سۆزلىدىڭ، كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم، — دېدى ئودغۇرمىش، — سەندىن سورايدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش بار، ئۇ ھەقتىمۇ ماڭا سۆزلەپ بېرىپ، كۆڭلۈمنى يورۇت. مەن ئورداغا بارسام، ئوردىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى تىرىكچىلىكتە ئۇلارسىز ئىش پۈتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. قېنى سۆزلەپ باققچىنا، ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە بولۇش مۇۋاپىق؟

— بۇ ئىشنى ئوبدان سورىدىڭ، — دېدى تۆگدۆلمىش جاۋابەن، — راست، سەن دېگەن بۇ ئىشلارمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. مەن ساڭا ئوردا خىزمەتچىلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ يوللىرىنى سۆزلەپ بېرىي.

246

ئاۋازلىق كىتاب
24-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ بەگلەرگە خىزمەت قىلىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بايان قىلغانلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--