ئۆگدۈلمىشنىڭ ئاۋام خەلق بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ئۆگدۈلمىش ئاۋام خەلق بىلەن قىلىدىغان مۇناسىۋەت قائىدىلىرىنى ئۆدغۇرمىشقا مۇنداق بايان قىلدى: — ھەي قېرىندىشىم، ئەل ئىچىدە ئۈچ خىل تەبىقە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مەن ساڭا ئايرىم-ئايرىم سۆزلەپ بېرەي.
ئەقىل-پاراسەتتە تۆۋەنرەك، بىلىمى كەمترەك بىر تەبىقە بار. ئۇلار قارا بودۇن① دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇي-پەيلىمۇ ياتراق بولىدۇ. ئۇلار ئۆرپ-ئادەت قوغلۇشۇپ كەتمەيدۇ، مۇناسىۋەتتە ئەدەپ-قائىدىگە رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق ئۇلارسىز ھېچقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ياخشى، چىرايلىق سۆز بىلەن مۇئامىلە قىل. قارا بودۇننىڭ قىلىقلىرىمۇ قارا بولىدۇ. ئۆزۈڭنىمۇ قارا قىلماي دېسەڭ، ئۇلار بىلەن دوست بولما. ئۇلار باشباشتاق، شاش كېلىدۇ. قىلغان ئىشلىرىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كېيىمدىن باشقا غېمى يوق، يېسە، قورسقى تويسىلا بولدى، بارلىق تىرىشچانلىقى شۇ گېلى ئۈچۈنلا بولىدۇ. ئاشۇ گال غېمى ئۈچۈن نۇرغۇن خەلق ئۆلگەن. ئۇلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا يەر قېتىدا ئېرىشىدىغان ئوت ئۈچۈن بولىدۇ. قارا بودۇننى بېسىپ تۇتمىسا تىلى ئۆزىرەپ، ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇۋالىدۇ. شۇنداقتمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ
① بودۇن — خەلق.
يېمەك-ئىچمەك بېرىپ تۇرغىن. سىلىق سۆز بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، نېمە سورىسا ئايىماي بەز، بېرىپ تۇرساڭ پايدىسىنى كۆرسەەن. ئۇلارغا كۆپ ئۆزخانىلىق قىلما، كۆپ سۆزدە قىممەت بولمايدۇ. ئۆزۈڭنى تۇتۇپ سۆزۈڭگە ھاكىم بولغانلار شۇڭا: سۆزۈم بار دەپ ھەممىنى دەۋەرمە، ئويلىنىپ، ئېھتىيات بىلەن ئەڭ كېرەكلىك سۆزنى دە. ئاقىللار ئاز سۆزلەيدۇ-يۇ، يەنىلا كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ ئۆكۈنىدۇ.
ئوردا خادىملىرى ۋە بەگلەردىن قالسا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىككىنچى بىر تەبىقە پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇلارنى ھۆرمەت قىلساڭ بەختلىك بولىسەن. ئۇلارنى چىن قەلبىڭدىن قەدىرلەپ سۆيگىن، ئۇلارغا مال بېرىپ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئال. ئۇلار ئەھلى بەيت-پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ قاياشلىرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇلارنى سۆيگىن. ئەگەر ئۇلار ناچار سۆز-ھەرىكەتتە بولمىسىلا ئۇلارنىڭ ئېچ-تېشىنى ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرما.
ئۈچىنچى بىر تەبىقە، خەلقنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى دانالار ۋە ئالىملاردۇر. ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ، گەپ-سۆزلىرىنى گۆھەر بىل. ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇلارنىڭ بىلىمىدىن ئۆگەن. ئۇلار ئاق-قارىنى توغرا پەرىق ئېتىپ، دۇرۇس يولدا ماڭغۇچى پاك كىشىلەر جۈملىسىدىندۇر. تىرىشىپ ئۇلاردىن ئىلىم ئال، بىلگەنلىرىنى ئىگىلىۋال. ئۇلارغا تىل تەگكۈزمە، ئۇلارنى قوغدا، تۇرمۇشىدىن ياخشى خەۋەر ئال. ئۇلار ھەقىقەتنىڭ تۆرۈكى، دىننىڭ تۈۋرۈكى، بىلىمى شەرىئەتنىڭ ئاساسى. دۇنياندا دانا ئالىملار بولمىغاندا، بۇ زېمىندا مېۋە ۋە زىرائەتتىن ئەسەرمۇ بولمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىلىم نۇرى خەلققە مەشئەل بولۇپ، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا باشلايدۇ. بىلىمكى، مەشئەل بولسا كېچىدە يولدىن ئازمايسەن. ئۇلارنى شېرىن سۆزلۈك،
256
ئاش-تۇزۇڭدىن ئايرىما. مال-دۇنيالىق بولساڭ ئۇلارنىمۇ بەھرىمەن قىل. خوشاللىق بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىل، ئېيىمنىپ تۇر، ھەرگىز قوپاللىق قىلما. ئەگەر قۇلۇڭدىن كەلسە ئۇلارنى قانچىلىك قەدىرلىسەڭ، ھۆرمەتلىسەڭ ۋە كۆتۈرسەڭ ئەرزىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلدە ئىشلەت. غەيۋىتىنى قىلما، ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى ئېغىر ئالما. ساڭا لازىملىقى ئۇلارنىڭ ئىلمى. شۇڭا، ئۇلارنى قوي پادىسى ئارىسىدىكى سەركە دەپ قارا. سەركە قوي پادىسىنى توغرا يول بىلەن دېگەن مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ. ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياخشىلىق قىلساڭ، ھەر ئىككى دۇنيالىقتا بەختىيار بولسەن.
ھەي دىلكەشى قاياشىم، بولاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۇرۇھلار بار. ئۇلار ھەققىدىمۇ سۆزلەپ بېرەي، ئوبدان قۇلاق سال. ھاياتلىقتا كېسەل بولمايدىغان ئادەم يوق. كېسەللىك ئۆلۈمگە يولداش، ئۆلۈم ھاياتقا يولداش. مانا شۇ كېسەللىك بالاسىغا داۋا قىلغۇچى ئەپسۇنچىدۇر. ئەپسۇنچىلار ھاياتتا بەك لازىملىق كىشىلەردۇر. ئۇلار كېسەل كۆرۈپ، دورا بىلەن داۋالايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىمۇ ئۆزۈڭگە يېقىن كۆرگىن. ئۇلارنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ ياخشى مۇئامىلىدە بول.
يەنە بىر گۇرۇھ بار، ئۇلار پىر ئويناپ كېسەل داۋالايدۇ، ئۇلارنى ئەپسۇنچى دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار جىن-پەرىلەردىن بولغان شامال دارىغانلارنى داۋالايدۇ. ئەپسۇنچىلار ئۇلارغا ئىشنىمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلارمۇ ئەپسۇنچىلارگە تەقەززار قارايدۇ. تەبىبلەر: كېسەللىك دورا بىلەن شىپا تاپىدۇ دېسە، ئەپسۇنچى: تومار ئاسسا جىنلار قاچىدۇ، دەيدۇ. قانداقلا بولسۇن، ئۇلارنىمۇ ياخشى مۇئامىلىدە بولغان تۈزۈك.
يەنە بىر گۇرۇھ ئىلمى چۈش ئەھلىدۇر. ئادەم ئۇخلىسا چۈش كۆرىدۇ. چۈش توغرا يورۇلسا ياخشى يول ئېچىلىدۇ. چۈش يورۇغۇچى چۈشنى ياخشىلىققا تارتىپ يورۇسا، چۈش سېنى
ياخشىلىققا تارتىپ ئاخىرى خوشاللىق بولىدۇ. ئەگەر چۈش مەنىسىز، يامانراق بولسا، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىش ئارقىلىق يامان ئاقىۋەتتىن جاننى ساقلاش كېرەك. مېھرىبان ئاللا بەندىلىرىگە ياخشىلىق كۆزلەپ، چۈش ئىلمى ئۈچۈن ئايەتلىرىنى چۈشۈردى. چۈش ياخشى بولسا خۇشال بولۇش، يامان بولسا ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاغا سېغىنىپ تەسبىھ ئېيتىش لازىم. كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا، ئاللا بالا-قازادىن ئامان قىلىدۇ. چۈش ئۈرۈشكە باقىدۇ، چۈشنى ياخشىلىققا تارتىپ ئۈرۈش كېرەك. ھەي چۈش ئۈرۈگۈچى، چۈشنى ياخشى مۇلاھىزە قىل. چۈشنى بىلىملىك، مېھرىبان كىشىلەرلا ياخشىلىققا تارتىدۇ. ئولارغىمۇ ياخشى مۇئامىلىدە بول، ئەگەر خالىساڭ دوست، قېرىنداش قىلساڭمۇ بولىدۇ.
مۇنەججىملەر يەنە بىر ئىلمىي كۆرۈھدۇر. ئۇلارنىڭ يولىمۇ بەك نازۇك بولىدۇ. يىل، ئاي، كۈنلەرنىڭ ھېسابى شۇلار بىلەن بولىدۇ، ھاياتتا ئۇلارنىڭ ھېسابىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر مۇنەججىم بولاي دېسەڭ ھەندىسە ئىلمىنى پۇختا ئۆگەن، ئاندىن ھېساب ئىشىكى ئېچىلىدۇ. كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە كەسرنى تولۇق، مۇكەممەل بىل. بۇ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەنلەر ئۈچۈن مۇھىم ئىمتىھان شۇ. قوشۇش، ئېلىشنى مۇكەممەل ئىگىلىيەلمىسەڭ ئاندىن كەسەرگە يول ئال. ئۆنىگدىن كېيىن ئونلۇق كەسەر ۋە ترىگونومېتىرىيە، يىلتىز چىقىرىش ئىلمىنى ئۆگەن. شۇندىلا يەتتە قەۋەت ئاسماننى بىر تال چۆپتەك بىلىلەيسەن. تېخىمۇ يۈكسەلمەكچى بولساڭ ئالگېبرا ۋە تەڭلىمىلەرنى ئوقۇ. ئاندىن ئېۋكلىدىسنىڭ① ئىشكىنى قاقالايسەن. مەيلى بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى بولسۇن ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرى بولسۇن، دانالار ھەممىنى ھېساب بىلەن قىلىدۇ. ھېساب بۇزۇلسا،
① ئېۋكلىدىس — قەدىمكى يۇنان ھېكىملىرىدىن بىرى. 258
بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئوخشاشلا بوزۇلىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن پەيتىنى توغرا تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. قۇتلۇق ئاي، قۇتلۇق كۈنلەر، قۇتسىز ئاي، قۇتسىز كۈنلەر بولىدۇ. بۇنى مۆنجىملەردىن سوراپ ئىشلىرىڭدا قۇتلۇق كۈننى تاللىغىن. ئىش قىلغاندا بىلىملىكلەردىن سوراش، بىلىم بىلەن ئىش باشلاش كېرەك. تېلەككە ئۆگۈشلۈك يېتىشتە ئەڭ ياخشىسى مەسلىھەتچى. بىلىمنىڭ پايدىسى كۆپ، بىلىمدە كالتە بولساق، ئىشقا قولۇڭمۇ قىسقا بولىدۇ. چوڭ ئىشلارنى قىلماقچى بولساڭ مۆنجىملەردىن مەسلىھەت سورا، لېكىن ئۇلارغىمۇ دەرھال ئىشىنىپ كەتمە. ھەممىنى تولۇق بىلگۈچى بىرلا ئاللاھدۇر، بۇنى ئېسىڭدىن چىقارما. ئۇلار بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەتتە بول، سۆزلىرىنى رەت قىلما، دىلىنى چىگىمە.
سۆز تىزىپ كىشىلەرنى ماختايدىغان ھەم تىللايدىغان بىر گۇرۇھ بار، ئۇلارنى شائىر دەيمىز. ئۇلارنىڭ تىلى قىلىچتىن ئۆتكۈر، تەپەككۈرى قىلدىنمۇ نازۇك. چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى چۈشەنمەكچى بولساڭ گەپنى ئۇلاردىن ئاڭلا، ئاندىن چۈشىنىۋالايسەن. ئۇلار كۆڭۈل دېڭىزىغا چۆكۈپ گۆھەر، ئۈنچە-ياقۇت سۈزگۈچى غەۋۋاسلاردۇر. ئۇلار مەدھىيىلىسە نامىڭ ئەل ئىچىدە ماختىلىدۇ، ئۇلار سوكسە نامىڭ ئەل ئىچىدە سېسىيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ تىلىغا ئىلىنىپ قالماي دېسەڭ، ئۇلارغا ئېھتىيات بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىل. ئۇلارنىڭ مەدھىيىلىشىگە ئېرىشەي دەيدىكەنسەن، ئۇلارنى خۇشال قىل، نېمە سورىسا ئايىماي بەر، شۇندىلا ئۇلارنىڭ تىلىدىن ئۆزۈڭنى سىرتالالايسەن.
كىشىلىك ھاياتتا ئىنتايىن كېرەكلىك يەنە بىر تەبىقە بار، نەپەس ئېلىۋاتقان، قىمىرلاپ تۇرغان جانلىقلار ئۇلارغا موھتاج. ئۇلارنى تېرىقچى دەيمىز. سەنمۇ ئۇلارغا موھتاج بولماي قالمايسەن. ئاش، ناندىن غەمسىز ياشاي دېسەڭ، ئۇلار بىلەن ياخشى ئارىلىشىپ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بول. تامىقىم پاك،
259
ئىشلىرىم ھالال بولسۇن دېسەڭ، ئۇلارغا دۇرۇس مۇئامىلە قىلىشنى بىل. تەقۋادار كىشىلەر بۇ توغرىدا: ئەستايىدىل توغرا يول تۇتۇشنى خالىساڭ، گېلىڭنى پاك تۇت. ھەقىقىي تەقۋادارلىق تونىنى كىيەي دېسەڭ، يېمەك-ئىچمىكىڭ، كىيىم-كېچىكىڭ ھالالدىن پۈتۈنلەنسۇن، دېيىشكەن. تەبىئەتچىلەرنىڭ قولى ئوچۇق كېلىدۇ، كۆڭۈل-كۆكسى خۇدا بەرگەندىنمۇ زىيادە كەڭ تۇتۇدۇ. ئۇلار بىلەن ئارىلاش، يۈزۈڭنى يورۇق تۇتۇپ، ياخشى سۆز قىل.
ئېلىم-سېتىم بىلەن تاپاۋەت قىلىدىغان بىر گۇرۇھ بار، ئۇلار تىجارەتچىلەردۇر. ئۇلار ئەقلى ۋە دىلىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن جاھان كېزىپ يۈرىدۇ. بۇ دۇنيادا سەن ئارزۇ قىلغانلىكى نەرسىلەر ئۇلاردىن تېپىلىدۇ. تەننىڭ ماددىي بېزەكلىرى، تاللانغان ئېسىل نەرسىلەر ئۇلاردا بولىدۇ. ئۇلار شەرق تىن غەربكە كېزىپ يۈرۈپ، ساڭا كېرەكلىك بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر، مىڭ تۈرلۈك تاۋار-دۇردۇنلار ئۇلاردا بولىدۇ. قاراپ باق، جاھان كېزەر سودىگەرلەر بولمىغاندا، كىشىلەر قارا سۈسەر جوۋنى قاچان كىيەلەيتتى؟ خىتاي كارۋىنى چاڭ-توزان توزۇتۇپ كارۋان تارتمىغان بولسا، تۈمەن خىل تاۋار-دۇردۇنلار قاياقتىن كېلەتتى، غۇنچە-مارجان، تىزىقلارنى كىممۇ كۆرەلەيتتى؟! بۇ ھەقتە سۆزلىسەم گەپ جىق، سۆزۈمنى ئوزارتماي. ئۇلارغا دائىم ئىشىكىڭنى ئوچۇق قىل، مۇئامىلىدە ياخشى بولۇشقا تىرىش. ئۇلار ياخشى-يامان نامنى دۇنياغا يايغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىلەن ئوبدان مۇئامىلىدە بولالىساڭ، نامىڭ ئۇلار ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىدۇ. ئۇلار ساڭا ئازدۇر-كۆپتۈر سوۋغات بەرگەن بولسا، شۇنىڭغا يارىشا سەنۇ جاۋاب قايتۇرۇپ، سۆيۈنچىگە ئېرىشتۈرگىن. دىققەت قىلغىن، ئۇلار پايدا-زىيانغا بەك ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ نۇقتىنى يادىڭدىن نېرى قىلما. جاھان كېزىپ، دۇنيا كۆرگەن، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەر شۇنداق
ئاگاھلاندۇرغانكى، دۇنيادا نام-شەرىپىڭنى چىقىرىپ، مەشھۇر بولاي دېمەكچى بولساڭ مۇساپىرلارغا، سودىگەرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ھەققىنى ئادا قىل، شۇنداق قىلساڭ ياخشى نام بىلەن ياشىيالايسەن.
قىش-ياز چارۋىلار بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىشەنجىلىك يەنە بىر تەبىقە بار، ئۇلار چارۋىچىلاردۇر. بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا، راستچىل كىشىلەردۇر. ئۆيۈڭنىڭ بېساتى بولىدىغان يۇڭ، كىگىز، پالاسلار شۇلاردىن كېلىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتە لازىمىلىق قىمىز، سۈت، ماي، سۆزمە ۋە قۇرۇت شۇلاردىن بولىدۇ. مىنىشكە ئات-ئۇلاغ، يۈك توشۇشقا لازىمىلىق تۆگە، خېچىرلارنى شۇلار تەمىنلەيدۇ، ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، يېمەك-ئىچمىكىنى ئايىما. لازىمىلىق نەرسىلەر بولسا ئۇلاردىن سورا، ئۇلار سورىغاننى سەنۇمۇ ئايىما. چارۋىچىلار ھەرگىز ھىيلە ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، قائىدە-يوسۇن ۋە بىلىمدىنمۇ خەۋىرى يوق. ئۇلار ئۆز ئەركى بويىچە ئىش تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن، مىجەزى قوپالراق كېلىدۇ، ئارىلاشقاندا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال. بىلىمسىز، نادان كىشىلەر ساددا كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئارىلاشساڭ بولىدۇ، لېكىن دوستلاشما. ئادەملەرنى سىناپ بىلگەن كىشىلەر شۇڭا: بىلىمسىزلەر بىلەن ئارتۇق يېقىنلاشما، بولمىسا بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ قالىسەن، دېيىشكەن. شۇڭا، چارۋىچىلار بىلەن ئارىلاشماقچى بولساڭ سۆزۈمنى يولچى قىل.
تۇرمۇشۇڭنىڭ زىننىتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بىر تەبىقە بار، ئۇلار تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھۈنەر-سەنئەت بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ھۈنەرۋەنلەردۇر. ئۇلارمۇ ئىنتايىن كېرەكلىك تەبىقەدۇر. تۆمۈرچى، موزدۇز، ئويمىچى دەيلى، كۆنچى، سرىچى، بوياقچى، ئوقچى، ياچى دەيلى، سانسىز يەنە نۇرغۇن. گەپنى ئوزارتماي، قالغىنىنى ئۆزۈڭ قىياس قىلالايسەن.
261
دۇنيادىكى تاك قالارلىق ئىشلار شۇلارنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. ئۇلار بىلەن دۇرۇس مۇئامىلىدە بول، ھەققىنى تولۇق ئادا قىل. ئىشىڭنى قىلغان بولسا ھەققىنى ۋاقتىدا بەر، ئونداق قىلمىساڭ ئەل ئارىسىدا يامان ئاتاققا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز نامىڭنى بۇلعايسەن. ياشاشتىلا بىلىپ، نام-ئاتاقنى قايىرىپ قويغۇلۇق ئەمەس. ئۆمرۈڭدە بىرەر نام-ئاتاق قالدۇرۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم، بىزدىن قالىدىغىنى شۇ ئەمەسمۇ؟! نام ياخشى بولسا، ئۆمۈرمۇ مەنىلىك بولىدۇ. كىمنىڭ نامى يامان ئاتاق بىلەن تونۇلسا، ئۇنىڭ تىرىكلىكىدىن ئۆلۈمى ياخشىراق. تىرىكلىك ئادەم ئۈچۈن سەرمايە ھېسابلىنىدۇ، سەرمايەڭنى ياخشى نام-ئاتاق ئۈچۈن سەرپ قىل.
ئاخرىدا پېقىرلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەت ھەققىدىكى سۆزۈمنى ئاڭلا. پېقىرلار ماددىي نەرسىلەرگە موھتاج كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ياخشىلىق قىل، ئاش-تۇز بەر، ماددىي نەرسىلەر بىلەن يۆلە. ئۇلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭنىڭ بەدىلىنى تىلىمە، دۇئاسىنى تەلەپ قىل. بۇ ئىشىڭنىڭ ئەجرىنى ئاللا ساڭا جەننەت ئاتا قىلىش بىلەن بېرىدۇ.
ھەي قېرىندىشىم، ئەل ئارىسىدىكى سەن ئارىلىشىشقا تېگىشلىك كىشىلەر يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت. ھاياتتا سېنىڭ چوقۇم ئۇلارغا ھاجىتىڭ چۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەم ساڭا ھاجىتى چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق بىلەن بىجىرىپ بەرسەڭ، بارچە كىشىلەر ساڭا يېقىن بولۇشنى خالايدۇ. شۆھرىتىڭ ئالەمگە تارقاپ، ئىككىلا دۇنيادا يۈزۈڭ يورۇق، ئورنۇڭ ياخشى بولىدۇ.
* * *
ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ جەمئىيەتتە ئارىلىشىشقا توغرا
كېلىدىغان بارلىق تەبىقە، گورۇھلار ھەققىدىكى ئىنچىكە ۋە مۇھىم بولغان تەۋسىيىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئونىڭ كاللىسىدا كىشىلەر تۇرمۇشتا دۇچ كېلىدىغان ۋە قېچىش مۇمكىن بولمايدىغان يەنە بەزى كىشىلىك مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئويلار پەيدا بولدى.
— ھەر قايسى تەبىقەلەر بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەت قائىدىلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم. ئەمدى يەنە بىر ئىش بار، ئونىڭدىنمۇ مېنى ۋاقىپلاندۇرساق، — دەپ سورىدى ئودغۇرمىش.
— يەنە قايسى ئىشلارنى بىلمەك بولۇۋاتىسەن، — دەپ سورىدى ئۆگدۈلمىش.
— ئەل ئىچىگە بارسام ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشقا توغرا كېلىدىكەن، يەنە بالا-چاقىلىق بولىدىكەنمەن. بۇ ئېغىر يۈكنى قانداق كۆتۈرىمەن، قانداق قىلسام بالا-چاقىلارنىڭ تۈگىمەس جاپا-مۇشەققىتىدىن پارىغ بولۇپ، خۇشال-خورامراق ياشىيالايمەن؟ — دېدى ئودغۇرمىش.
— قېرىندىشىم، بۇنى دۇرۇس ئېيتتىڭ. ئاڭلاپ تۇرغىن، بۇ سىرلىق دەرۋازىنىمۇ ساڭا ئېچىپ بېرەي، — دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۆگدۈلمىش.