تىزىملىك
تىل تاللاش:
4-قىسىم 30-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى) ئودغۇرمىش (زاھىد)

كۈنتۇغدى ئىلىكنىڭ ئودغۇرمىشنى ئۈچىنچى قېتىم دەۋەت قىلغانلىقى

Kuntoghdi Ilikning Odghurmishni Üchinchi Qétim Dewet Qilghanliqi

كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ خىيالىدىن يەنە بىر ئىش كېچىپ، ئۆگدۈلمىشنى ھۇزۇرىغا چاقىرتتى. ئۆگدۈلمىش ئىلىگنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئەمىرىنى كۈتۈپ، قوللۇق بىلەن قول باغلاپ تۇردى.

كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئودغۇرمىشنى ئۈچىنچى قېتىم دەۋەت قىلغانلىقى

كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ خىيالىدىن يەنە بىر ئىش كېچىپ، ئۆگدۈلمىشنى ھۇزۇرىغا چاقىرتتى. ئۆگدۈلمىش ئىلىگنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئەمىرىنى كۈتۈپ، قوللۇق بىلەن قول باغلاپ تۇردى.

— ئۆگدۈلمىش، سەن ماڭا يەنە بىر ئىشنى قىلىپ بەر، — دېدى ئىلىگ، — قاياشكنى چاقىرتسام يېنىمغا كەلمىدى، مېنىڭ ئارزۇيۇم قانمىدى. ئەمدى مەن ئۇ ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر يول بىلەن ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدىم. ئۇ بۇ ياققا كېلىشنى خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈم بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلاي. ئەگەر ئۇ كېلىشنى خالىمىسا، مەن ئۇنى تۇتۇپ قالماسلىققا ۋەدە بېرىي. ماڭا ياخشى نەسىھەتلەرنى ئاتا قىلىپ، قايتىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولسا بولىدۇ. كۆڭلۈمدىكى چاڭ-توزان سۈزۈلۈپ قەلبىم يورۇسا، ماڭا پايدا كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇ ئىشتىن ئۇنىڭغىمۇ ھېچقانداق زىيان يوق.

— ھەي بەختىيار خاقانىم، مانا بۇ سۆزۈك دانالىق بولدى، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش ھاياجانلىنىپ، — بولىدۇ، بۇ ئىشقا مانا مەن تەييار. ئالىيلىرى خالايىدغان بولساڭ، بۇ ئىشنى ئۆزۈم بەجا كەلتۈرەي. ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇ تىلىكىڭدىن ئۇنى ۋاقىپلاندۇراي. سەن بارمىغىن، مەن ئۇنى دەۋەت قىلىپ قېشىڭغا كەلتۈرەي. بولسا بۇ توغرىدا بىر پارچە نامە يېزىپ

بەرگەن بولساق، ئۇنى ئىشەندۈرۈپ كەلتۈرۈشكە ئاسان بولاتتى.

— مەكتۈپنىڭ نېمە لازىمى، — دېدى ئىلىك، — مەكتۈپتىنمۇ ئۆزۈڭ ئىشەنچلىك. نامە دېگەن ئىشەنچسىز ئادەمگە بېرىلىدۇ، مېنىڭ سەندىنمۇ ئىشەنچلىك كىمىم بار؟ ئەقلى يەتلىگەن ياغما بېگى: ئەلچىگە ئىشەنسەڭ مەكتۈپنىڭ نېمە ھاجىتى، تولۇق ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغاندا ئېھتىيات چارىلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمە؟ دېگەن. دەيدىغان گەپنى تىلىڭ بىلەن يەتكۈز، گېپىنى ئاڭلا. بۇ ساڭا ئۇنچە ئېغىر كەلمىدەك، ئۆزۈڭنى قاچۇرغىدەك مۇرەككەپ ئىش ئەمەس. شۇنچىلىك ئىشقا مەكتۈپنىڭ نېمە ھاجىتى، مەكتۈپ دېگەن سەن. ئېيتقىن، ئۇ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشسۈن، قايتماقچى بولسا ئىختىيارىنى ئۆزىگە بېرىمەن، ھەرگىز ئۇنى تۇرۇپ قېلىشقا زورلىمايمەن. سەن ئۇنى مەجبۇرلىما، چىرايلىقچە دەۋەت قىلغىن. ئۇ بۇ تەرەپكە يەنىلا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۆزۈم بېرىپ دىدارلىشىپ كېلەي.

— ئالىيلىرى، ئاللا خالىسا بۇ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىمەن، بۇ ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن جان-دىلىم بىلەن كۈچەيمەن. ئالىيلىرىنىڭ ئالتۇن تېنى تىنچ-ئامان بولسۇن، ئاللا بارلىق تىلىكىڭگە مۇشەررەپ قىلسۈن.

ئۆگدۈلمىش ئىلىككە يۇقىرىقى ۋەدىنى بېرىپ، ئوردىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتتى. بۇ ۋاقىتتا پەلەكنىڭ قىزىل يۈزى ئۆڭۈپ سېرىق ھالەتكە ئۆزگەرگەندى. قۇياش يۈزىگە زەپىران سۈرتۈپ، دۇنيانىڭ رەڭگىنى زەڭگەرگە ئۆزگەرتتى، بارا-بارا ئاسمان ھەبەشلەر رەڭگىدەك، مەشۇقلار قېشىدەك تۈسكە كىرىشكە باشلىدى. ئۆگدۈلمىش غىزالىنىپ بولۇپ، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدى، ئارقىدىن ئورۇن سالدۇرۇپ يېتىپ ئازراق ئۇخلىدى. سېرىق بۇلبۇلنىڭ ئۆنلۈك سايراش ئۈنى ئويغاتتى. ئۆگدۈلمىش بۇلبۇل ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ خېلى ۋاقىتقىچە ئويغاق ياتتى، كېيىن بۇ يېقىملىق ئاۋازغا مەپتۇن بولۇپ ئورنىدىن

تۆردى. بۇ كېچە ئۇنىڭغا بەك ئۇزاق تۇيۇلدى. ئۇ تاڭنىڭ ئېتىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. ئاخىرى ئاسمان قارا كۆينىكىنى يىرتتى، چۆمپەردىسىنى كۆتۈرۈپ، يورۇق يۈزىنى كۆرسەتتى. قوياش ئۆرۈلۈپ كۆنگەي ھەم تەسكەي جايلارنى تەكشى يورۇتتى. ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ يۇيۇندى، ئاندىن كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، نامازغا تۇردى. نامىزىدا ئىشىنىڭ ئۇتۇققا تارتىشىنى تىلىدى.

مولازىم ئوغلان ئۆگدۈلمىشنى ئېتىغا مىندۈرۈپ قويدى. ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا قاياشى ئودغۇرمىشنىڭ قېشىغا يۈرۈپ كەتتى. ئودغۇرمىشنىڭ قارارگاھىغا يېقىن بارغاندا ئاتتىن چۈشۈپ، غارغىچە ئاستا پىيادە ماڭدى، ئىشىككە كېلىپ دەرۋازىنىڭ ھالقىسىنى تۇتۇپ ئاستا شىڭقىلاتتى. ئودغۇرمىش تۇيۇپ چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئۆگدۈلمىشنى كۆرۈپ ئەجەبلەنگەن ھالدا:

— ھەي قېرىندىشىم، سەن ئىشنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ، — دېدى ئۇ، — ئۆزۈڭنى نىمانچە زورمۇزور قىينايسەن، مەن بىلەن نىمىشقا مۇنچە قارىشىشىسەن. كېلە، ئىچكىرى كىرىپ، ماڭا يەنە نىمىشقا كەلگەنلىكىڭنى ئېيتقىن.

ئىككى قېرىنداش ئاددىي كۈلبىگە كىرىشتى. زاھىت بۇ نۆۋەت ئۆگدۈلمىشنى قاپقىنى تۇرۇپ قارشى ئالدى.

— ھەي دۇرۇس قېرىندىشىم، مۇنداق قاپقىنى تۇرمە، — دېدى ئۆگدۈلمىش ئوچۇق چىراي بىلەن، — ئاۋۋال سۆزۈمنى ئاڭلا، مەن سەن ئېيتقان سۆزلەرنى كەم-كۈتسىز، تەپسىلىي ئېلىككە يەتكۈزدۈم. ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ تولۇق چۈشەندى ھەم ھەيران قالدى. ئەمدى ئۇ سېنى ئۆزۈڭنىڭ رايىڭغا قويۇپ بەردى. ئۇ باشقا بىر ئىش بىلەن مېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئەمدى مېنى تۇياقتا قويمىغىن، ھەر قانداق ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ. بۇ ئىشنى بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىگىن. ئاقىللار بۇ توغرىدا: ھېچ ئىشنى

ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتسە، ئۆلچىمى بوزۇلسا ئىشنىڭ چىكىگە يەتمەيدۇ. ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۆلچىمى، ئۇسۇلى، قائىدىسى بولىدۇ. ئىشلار ئوتتۇرا ھال بولغاندا ئېسەنلىك بولىدۇ، دېيىشكەن. ئىلىگ بۇرۇنقى تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت سېنى زىيارەت قىلىشنىلا ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ، بۇنى توغرا چۈشەنگىن. سەن ئۇنىڭ ئالدىغا بارمىسەڭ، ئۇ سېنى قېشىغا كېلەمدۇ، قانداقلا بولسۇن ئۇ سەن بىلەن دىدارلىشىش مەقسىتىگە يەتسۇن. ھەي باغرى تاش، بۇ ئىشتا ماڭا بىر ياريۆلەك بولغىن. بۇ ئىشتىن ساڭا ھېچقانداق زىيان يوق، ئىلىكمۇ ناھايىتى ياخشى سۇلتان. ئۇ يوقسۇل، كەمبەغەللەرگە بەك كۆيۈمچان.

— ھە، بۇ سۆز ئەقلىگە مۇۋاپىق، — دېدى ئودغۇرمىش ئىشنىڭ تېگىنى بىلىپ، — مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى ئەلۋەتتە توغرا. بۇ سۆزۈڭگە تەن بېرىپ بويۇمنى ئېگىمەن. بۇرۇن بارماسلىقىم، ئۇ چاغدا ئۆزەمدىن مەنىپەئەت كۈتكەن ئىدى، ئۇ نىيەتتىن يېنىپ توغرا يول تۇتۇپتۇ. توغرا يولغا مەنمۇ كۆنىمەن. بولدى، مەن ئۆزۈملا بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلاي، ئۇنى جاپا چەكتۈرمەي، بۇ جاپانى ئۆزۈملا تارتاي. ئۇ دېگەن ئەلنىڭ بېگى، خەلقنىڭ ئۇلۇغى. ئەلۋەتتە ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلىشىم لازىم. ئۇ ئادالەتلىك يول تۇتۇپ سۆزىدە تۇرالسا، ئەل ئىچىدە يامانلارنىڭ ئىزىنى يۇيالايدۇ. بىلىملىك زاتلار دېگەندەك: رەئىيەتكە بېگىنىڭ ئەمىرى ۋاجىپ، چوڭ-كىچىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى قەدىرلىشى لازىم. بەگ ھەتتا سېتىۋېلىنغان ھىندى قۇللىرىدىن بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەم سۆزىنى ئۇلۇغلاش كېرەك. مەن ئەمدى ئىلىگ يارلىقىنى قىممەتلىك بىلىپ، ئۇنى زىيارەت قىلىپ يېقىنلىق ئورنىتاي. ماقۇل، ئەمدى قايتىپ بېرىپ، مېنىڭ بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ئىلىگنى خەۋەرلەندۈرگىن. يورۇق دۇنيا يۈزىگە پەردە تارتقاندا مەن ئۆدۈللا سېنىڭ كۆيۈڭگە باراي. كۈندۈزى بارسام كىشىلەر كۆرۈپ كەينىمگە كىرىۋالىدۇ. مېنىڭ

295

توغرامدا ھەر خىل گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ئوتقا ئاتىدو. سەن بېرىپ مېنى ئۆيۈڭدە ساقلاپ تۇر، يېتەلمەي بىر ئاز كۈتۈپ تۇرارسەن. سېنىڭكىگە بارغاندىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە ئويلىشارمىز.

— بۇ ئىنتايىن خەيرلىك، چىرايلىق ئىش بولدى، — دېدى ئۆگدۈلمىش خۇشال بولۇپ، — مەن قايتىپ بۇ ئىشتىن ئېلىگنى خەۋەرلەندۈرۈپ ئونى خۇرسەن قىلاي. سەن تەييارلىقىنى قىلىپ، دېيىشكەن ۋاقتىمىزدا يېتىپ بارغىن.

ئىككى قېرىنداش شۇنداق كېلىشتى. ئۆگدۈلمىش چېھرىنى ئېچىپ خۇشال ھالدا ئودغۇرمىشنىڭ قېشىدىن قايتىپ چىقتى. ئو مېڭىش ئالدىدا:

— ھەي قاياشىم، يەنە سۆزلىرىڭدىن يېنىۋېلىپ قالما، قوياش ئولتۇرۇپ، يۈزىنى يوشۇرۇپ دۇنيا يۈزى كۆمۈردەك قارايغاندا سېنى ئۆيۈمدە كۈتۈمەن، سەن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويىمەن، — دېدى ئەندىشىدە ئۆگدۈلمىش ئېتىغا مىنىۋېتىپ ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئۆگدۈلمىش ئوردىغا كېلىپ، ئېلىگنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئونىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. ئو ئودغۇرمىشنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزگەندە ئېلىگنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، چىرايى كۈلدى.

— بۇ ئىشلىرىڭ بەك ياخشى بولدى، — دېدى ئېلىگ، — ئونىڭ ۋەدىسى سەن ئېيتقاندەك راست بولسا ئىدى. ئو قانداق ۋاقىتتا كېلىدىغان بولدى، ئونىڭ بىلەن قەيەردە كۆرۈشۈمەن؟ — دەپ يېنىشلاپ سورىدى ئېلىگ.

— ئالىلىرى، ئو دۇنيا يۈزى سەل قارايغاندا مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمەكچى بولدى، قاچان خالىساڭ، شو چاغدا ئو ھۇزۇرۇڭغا ھازىر بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش.

— بۇ ئىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ئەجىر قىلدىڭ، ئاللا تارتىقان جاپايىڭغا يارىشا تۆھپە ھېسابلىغاي، — دېدى كۈنتۇغدى

296

ئىلىگ، — مېنىك غېمىمنيك داۋاسى شو ئىدى، تونىكدىن كوكلوم سويوندى. سەن بېرىپ ئويودە ئونى كوتكىن، كەلگەن ھامان ماكا خەۋەر قىل، مەن چاقىرتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتمەيمەن، شو چاغدا قېرىندىشىنى ئېلىپ كېلەرسەن. ئونى كۆرۈپ كوكلوم سويونسون. بىر ئالىم بونىكغا ئوخشىتىپ شونداق دېگەن: كىشىنىك كوكلى ھەر دائىم ئارزۇسىغا قېنىشنى تەقەززا قىلىدۇ، موشو تەقەززالىق بىلەن ئوزىنى بەزلەيدۇ. ئارزۇسىغا يەتكەندە، كوكلى كوتورولوپ، ئە سوئە سسىمو توگەيدو.

ئۈگدۈلمىش ئىلىگنىك ئەمىرىگە «ئەلەل» دەپ قوللۇق بىلدۈرۈپ، ئوردىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتتى. ئويدە چاي دەملەپ ئىچىپ بىرتار ئولتۇردى. قوياش يەر يۈزىگە قىگغىيىپ، يۈزىگە پەردە تارتىشقا باشلىدى. بىر دەمدىن كېيىنلا دۇنيا يۈزى قارىيىپ، قارا تومانغا ئورالغاندەك بولدى. دۇنيا قاپقىنى تۈرۈپ، قارا مۇسبەت تونىنى كىيگەندە، ئاسمان شەيتان يۈزىدەك قارىداپ ئۈچۈپ كەتتى، بارچە جانلىقلار تىنىچىپ كوزىنى يومدى. كوندۈزنىك شاۋقۇن-سۈرەنلىرى بېسىقىپ، كېچىنىك جىمجىتلىقى ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.

ئودغۇرمىش ئاستا ئۈگدۈلمىشنىك ئۆيىگە كىرىپ كەلدى، ئۈگدۈلمىش ئونى كۆرۈپ قىزغىن سالاملاشتى، ئارقىدىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئۈگدۈلمىش ئودغۇرمىشنى ياخشى قارشى ئالدى ۋە ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئىككى پاك ئىنسان ئۆيگە كىرىشتى. ئودغۇرمىشنىك ئالدىغا ئاش-تائام تارتىلدى. ئۈگدۈلمىش ئىلىگگە خەۋەرچى ئەۋەتتى. ئىلىگ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئادەم ئەۋەتىپ ھۇزۇرىغا چاقىرتىۋەردى.

297

ئاۋازلىق كىتاب
30-باب: كۈنتۇغدى ئىلىكنىڭ ئودغۇرمىشنى ئۈچىنچى قېتىم دەۋەت قىلغانلىقى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--