كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئودغۇرمىش بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئودغۇرمىشنىڭ ئىلىگگە نەسىھەت قىلغانلىقى
كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئەمىرى بىلەن ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلىگنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. ئىلىگ شۇ زامانلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئودغۇرمىشنى قارشى ئالدى. ئىلىگ ئاۋۋال سالام بەجا كەلتۈردى، زاھىت ئودغۇرمىشمۇ سالامنى ئىلىك ئېلىپ، ئىلىگ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن ھال-ئەھۋال سوراشتى. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئودغۇرمىشقا ئۆز يېنىدىن ئورۇن كۆرسەتتى. كۆيۈمچانلىق بىلەن ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلىپ ئۆزە ئېيتتى:
— ھەي قەدىرلىك زات، پىيادە بۇ يەرگە كېلىپ كۆپ جاپا چەكتىڭ، ھېرىپ-چارچىدىڭ.
— ئالىيلىرى، سېنى كۆرۈش بىلەنلا تارتقان جاپايىممۇ ئۇنتۇلۇپ، ھاردۇقۇم چىقتى، — دېدى ئودغۇرمىش جاۋابەن، — مەن ئالدىڭغا ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كەلدىم، كىشى ئۆز تىلىكى، خاھىشى بىلەن ماڭسا، چوقۇم مەقسەتكە يېتىدۇ، ھاردۇق ھېس قىلمايدۇ. ئەقىل-ئىدراكلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان بۆكە يابغۇسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا، ئۇ: كۆڭۈل تەقەززا قىلسا يىراق يەرمۇ يېقىن بىلىنىدۇ، تىلىگەن تىلەكلەرمۇ ھاسىل بولىدۇ، كۆڭۈلدىن خالاپ ماڭغان يول ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ. كۆڭۈل تارتىمىغان قانداق يەرگە قەدەم باسسا، ئۇ مۇساپە ھەر قانچە
298
يېقىن بولسىمۇ يىراقلىشىدۇ. كۆڭۈل خالاپ قىلغان ئىش ھەر قانچە مۇشەققەتلىك بولسىمۇ جاپا بىلىنمەيدۇ، دېگەن. ھەي ئېلىگ، كۆڭۈل خاھىشى بىلەن يېنىڭغا كەلگەن تۇرسام، قانداقمۇ جاپا ھېس قىلاي. نەزەر سالساڭ، كۆڭۈل كىمنى سۆيسە، ئارىلىق قانچە يىراق بولسىمۇ يېقىنلىشىدۇ.
— ئەسلى سۆزىمىزگە كېلىشتىن بۇرۇن سەندىن بىر ئىشنى سورۇيالايمەن، — دېدى ئېلىگ، — سەن ئۆزۈڭنىڭ خاھىشى بىلەن يېنىمغا كەلگەن تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن مېنى كۆرۈپ سالام قىلمايسەن؟ سەن ئوبدان بىلىسەن، سالام قىلىشنىڭ پەزىلىتى ناھايىتى چوڭ. كىم ئالدى بىلەن سالام قىلسا، پەزىلەت يولىنى ئاچقان بولىدۇ. نېمىشقا سالامنىڭ پەزىلىتى ساۋابىنى خالىمىدىڭ؟ بۇ ئىش قانداق سادىر بولۇپ قالدى؟
— ئالىيلىرى، مەن بىلىپ تۇرۇپ ئاۋۋال سالام قىلمىدىم، — دېدى ئودغۇرمىش چىن كۆڭلىدىكى گەپنى يوشۇرماي ئېيتىپ، — توغرا، سالام كىشى ئۈچۈن سالامەتلىك يولى، سالام قىلىشقاندا سالامەتلىكنىڭ يولىنى سالغىلى بولىدۇ. سالام ھەم ئەمىنلىك يولى، سالامدىن جان ئەمىن تاپىدۇ، چۈنكى سالام قىلغۇچى باشقىلارغا ئامانلىق تىلەيدۇ. سالامنى ئەلىك سالغۇچى سالامەت بولىدۇ، سالام كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ، بۇنىڭمۇ يەنە قائىدىسى بار. ئۇلۇغلار ئالدى بىلەن كىچىكلەرگە سالام قىلسا ئىش يوللۇق بولغان بولىدۇ. كىچىكلەر ئۇلۇغلارنىڭ سۆزىنى تۇتسا بالا-قازادىن خالى بولۇپ، ئامان-ئېسەن ياشىيالايدۇ. ئورنى تۆۋەنلەر ئۇلۇغلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئېسەن بولالغاندا، ئۇلارنىڭ خەيرىخاھلىقىدا ئامانلىق تاپىدۇ. مەن دېگەن سەندىن تۆۋەن تۇرسام، قانداقمۇ مەندىن ساڭا زىيان يەتسۈن؟! ئېلىگنىڭ قولى ھەممىدىن ئۈستۈن، تەرنى تۇرۇپ قولىنى ئەلگە سۇنسا خالىغىنىنى قىلالايدۇ. شۇڭا، پۇقرالار بەگكە ئاۋۋال سالام قىلمايدۇ. ئەي بىلىمدە كامالەتكە
يەتكەن ئىلىگ، مېنىڭ ساڭا ئالدى بىلەن سالام قىلماغانلىقىمنىڭ مەنىسى شۇ. مېنى ئۆزۈڭ خالاپ ئاۋۋال ئالدىڭغا چاقىرتتىڭ، دەسلەپتە مەن بۇ تەكلىپكە كۆنمىدىم، چۈنكى بۇ ئالدامچى دۇنياغا ئىشەنمىدىم. كېيىن ئۆز نىيىتىڭدىن يېنىپ پەقەت زىيارەت ئۈچۈنلا چاقىرتتىڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن كەلدىم، لېكىن كۆڭلۈمدە يەنىلا ئەنسىرەش بار ئىدى. مانا سالىمىڭ ماڭا خاتىرجەملىك بەردى. مەن سېنى يەنىلا ئاۋۋالقى سۆزۈنى تەكرارلارمىكىن دەپ قورقۇپ، ۋەھىمە يەپ تۇرغانىدىم. سالىمىڭدىن كېيىن ياخشىلىققا ئېرىشىدىغانلىقىمغا تامامەن ئىشەندىم.
— بەگ ئۈچۈن دېگەن سۆزىدىن يالتايۆھلىش تولىمۇ يامان ئادەت، — دېدى ئىلىگ، — بەگ سۆزىدىن يېنىۋالىدىغان بولسا ئولۇغلۇقنى يوقىتىدۇ. يالغانچىلىقنى ئادەت قىلغان، خۇي-پەيلى غەزەپلىك ئادەم ئەلگە ھاكىم بولمىسۇن. سۆزى يالغان، قولى قۇرۇق ئادەم قانداقمۇ ئەلگە ئولۇغ بەگ بولالايدۇ؟ كونىلار نەسىھەت قىلىپ: كىم سۆزىدىن يانسا، بەختمۇ ئۇنىڭدىن يانىدۇ، دېگەن. ئادەمنىڭ ئەڭ ئەسكىسى يالغانچىدۇر، ۋەھدىسىدىن يانغانلار يامانلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. سۆزى چىن كىشىلەر (خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن) ناھايىتى توغرا ئېيتقان: بەگ بولغۇچى راستچىل ۋە سۆزىدىن يانمايدىغان بولسۇن. گېپىدە تۇرمىغان ئادەمنى ئەركە سانىما، ھەقىقىي ئەركەك گېپىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، دېگەن گېپىدىن يانغانلار خوتۇن كىشىدۇر.
— ئالىملىرى، سەندە بۇ ئالىي پەزىلەت ھازىرلانغان. ئاللا سېنىڭ قول ئاستىڭدىكى ئەللەرنى تېخىمۇ كۆپەيتسۇن، ياخشى پەزىلەتلىرىڭنى تېخىمۇ كۈچەيتسۇن، — دېدى ئۆدغۇرمىش، — بەگ ئەلنىڭ خىللانغان پەخرى، سۆز-ھەرىكەتلىرىمۇ ئۆزگىچە خىل بولۇشى لازىمدۇر. بەگ ياخشى ۋە توغرا بولسا، ئەلى بېيىپ باياشات بولىدۇ. كۆپ ياشاپ، نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇيەسپىتلار شۇڭا: ھەي دۇنيا پاسبانى، قىلىقىڭنى
توغرىلا. بەخت دېگەن كېلىپ يەنە كېتىدىغان ۋاپاسىز نەرسە، ئۇ ئاخىرى سېنىمۇ تاشلاپ كېتىدۇ. بەخت ئەملىكىڭدىكى چاغدا تىرىشىپ ئۆزۈڭگە ياخشى نام قالدۇر، دېگەن. ھەي كۈچ-قۇدرەتنىڭ ساھىبى، يامانلىق يولىنى تۇتما، سۆز-ھەرىكەتلىرىڭ بىلەن ياخشىلىق قىلىشنى ئۇنتۇما. بولمىسا تولۇغلۇق ۋە بەگلىك سەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، پەقەت ياخشىلىقلا ساڭا ۋاپادار بولىدۇ. بۈگۈن ياخشىلىق قىلىپ ئەلنىڭ يۈكىنى كۆتۈرسەڭ، زامان ئۆتۈپ تاڭنا بىر كۈنى ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئالىسەن. تىرىكلىك دېگەن شامالغا ئوخشاش ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەختمۇ ۋاپاسىزلىق بىلەن سېنى تاشلاپ كېتىدۇ.
— ھەي بىلىمى ئۇلۇغ زات، قەلبىمنى چۈشەنگىن، مېنىڭ سەندىن تىلەيدىغىنىم شۇكى، ماڭا ياخشىلىق يولىنى يورۇتۇپ بەر. سېنى زورلاپ يېنىمغا چاقىرىشىمدىكى نىيىتىممۇ شۇ ئىدى، — دەپ مەقسەتنى ئېيتتى ئېلىگ، — قولۇمنىڭ ياخشىلىققا تۈزىلىشى ئۈچۈن ياخشى نەسىھەتلىرىڭنى ئايىمىغايسەن. قارىماققا ئەتراپىمدا ئادەم كۆپتەك تۇرغان بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت گال غېمىدىلا يۈرىشىدۇ. ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان ھەقىقىي كۈيۈمچان ئادەملىرىم يوق. بەگ دېگەن نېمىنى ئارزۇ قىلسا ئېرىشەلەيدىكەنتۇ، كۆڭۈلدىكىدەك ھەقىقىي ياردەمچىگە ئىگە بولماق تەستەكەن. ئوردىغا توپلانغان ئادەم تولا، لېكىن ياراملىق ۋە پايدىلىق كىشى يوق. شېئىر ئېيتقۇچى شائىرلار بۇ مەنىنى ناھايىتى جايىدا ئوقۇغان:
تولادۇر كىشى دەپ يۆرۈچى سانى، كىشىگە ياراملىق دېسەڭ، ئۇ قېنى. قىلۇر بىر كىشى مىڭ كىشىنىڭ ئىشىن، تولا مىڭ يىغىلسا قىلالماس ئونى.
كۈنتۇغدى ئىلىگ گەپ تېمىسىنى ئودغۇرمىشقا يۆتكەپ، يەنە مۇنداق تىلىكنى قويدى:
— ھەي ئودغۇرمىش، ئاللا بارچە پەزىلەتنى سەندە مۇجەسسەم قىپتۇ، سۆز-ھەرىكەتلىرىڭمۇ نام-شەرىپىڭگە مۇناسىپ ئىكەن. تەڭرى تىلەكلىرىڭنى تۈگەل بەرسۇن. ئاللا ساڭا ئاتا قىلغان ئىنايەتلىرىڭدىن مېنى بەھرىمەن قىل، نەپسىم ئۆلۈپ، قەلبىم ئويغانسۇن.
ئودغۇرمىش ئىلىگنىڭ ماختىشى ۋە تەلىپىگە يارىشا ناھايىتى كىچىك پېئىللىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بەردى:
— ھەي ئەلىنىڭ بېگى، مېنىڭ تاشقى قىياپىتىمگە قاراپلا باھا بەرمە، ئەگەر ئىچكى دۇنيايىمنى بىلسەڭ ئىدىڭ، مېنى تىللاپ قوغلىغان بولاتتىڭ. ماڭا «زاھىت» دېگەن نام تېڭىلغاندىن بۇيان بۇ ئات ماڭا تائەت بالاسى بولدى، ئاشۇ نام مېنى ھەم ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى، بۇ نام مېنىڭ نەپسىمگىمۇ ھۆكۈمران بولۇۋالدى. دۇكان كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغىدەك چىرايلىق كۆرۈنگەن بىلەن، لېكىن ئۇ دۇكاندا سودىدىن ئەسەر يوق، پايدىدىن خەۋەر يوق. سەن ئادەمنىڭ سىرتىغىلا قارىماي، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى، يوشۇرۇن ئىشلىرىغا قارا. قوغۇننىڭ سىرتى يۈزى ھەر قانچە كۆركەم، پوراقلىق، چىرايلىق بولغان بىلەن تەمى بولمىسا، ئۇنى چۆرۈۋېتىش كېرەك. شۇڭا قەلبى ئويغانغان كىشىلەر: تېشىڭنى پەردازلاپ بوياغىچە، ئىچىڭنى بېزە. ھەممە ئۈستۈنلۈك ئىچكى مەنسۇپ، ئىچى قۇرۇق بولسا تاشقى بېزەكمۇ ئەھمىيەتسىزدۇر، دېيىشكەن.
— سېنىڭ قەلبىڭ بىلەن تاشقى سالاپىتىڭ ئوخشاشلا تۈزۈك ئىكەن. دۇنيانى تەرىك ئېتىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلەتتىڭ. مەن بولسام بۇ ئېغىر يۈكنى يۈدۈشكە تۇتۇندۇم. دۇنيانىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، ئاللا ئالدىدىمۇ ئىشىنالمايۋاتىمەن. ئەمدى مېنىڭ ئۆزۈمنى تۈزۈۋېلىشىم ئۈچۈن نەسىھەتلىرىڭنى
ئايىما. قىممەتلىك نەسىھەتلىرىڭ ماڭا قۇۋۋەت بېرىپ، مېنى پاكلىسۇن، — دەپ ئۆتۈندى ئىلىگ ئودغۇرمىشتىن.
— ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن يەتكۈن، ئالىملىرى، — دەپ جاۋاب بەردى ئودغۇرمىش، — سەن ئونداق قارىما، خۇدانىڭ بەندىلىرى ئىچىدە مەندىنمۇ يامان ئادەم يوقتۇر، دەپ قارايمەن. ئەگەر خۇدانىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن مەندىنمۇ ئەڭ يامىنىنى ئىزدېمەكچى بولساڭمۇ يەنىلا مانا مېنى تاپ. سۆزلىرىمنىڭ قانچىلىك پايدىسى بولار، تەربىيىلىرىم ساڭا پايدا كەلتۈرەلمەرمۇ؟ مېنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرۈم ئاللا ئىشىگە باغلانغان، ھەر قانداق گۇناھىم بولسا ئەپۇ قىلغۇچى ئاشۇ ئىگىمدۇر. گۇناھىنى تونۇپ ئاللانىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى كۈتكەن بىر گۇناھكار بەندە مۇنداق نىدا قىلىدۇ: ھەي ئىگەم، مەن گۇناھقا پاتقان جاپاكار يامان قۇلۇڭمەن، تۇرغان-پۈتكۈنۈم گۇناھ. گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن، بەخت بىلەن يوللىغىن، مېنىڭ سەندىن باشقا سېغىنىدىغان ئىگەم يوق.
— ھەي سەگىك زات، سىجىل-خۇلقۇڭنى ئاللا ئېسىل پەزىلەت بىلەن بېزەپتۇ، — دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ، — ئۆزۈڭنى ھەر دائىم گۇناھكار، يامان دەپ سانىغىنىڭ ئۈچۈن ئەل ئىچىدە ياخشى دەپ شۆھرەت تاپتىڭ. كۆڭۈل-تىلىڭنى پاك تۇتۇپ، ئۆزۈڭمۇ پاكلاندىڭ. ئەمدى ساخاۋەتلىك سۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا تەربىيە قىلغىن. ئاللا بارچە ياخشىلىقنى ساڭا ئاتا قىلىپتۇ، مېنىڭمۇ بۇ نۇسرەت يولىنى تېپىشىمغا ياردەم قىل. بۇ خىزمىتىڭنىڭ ئەجرىنى ئاخىرەتتە ئاللا ئۆزى بېرەر.
كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن قىلغان ئۆتۈنۈشى ئودغۇرمىشقا تەسىر قىلدى. ئۇ ئەقىل-ئىدراكلىق دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە پەرۋاز قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سائادەت يولىنى مۇنداق قۇردى:
— ئەي ئەلىنىڭ باشپاناەى، ئاللا سېنى بارلىق تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزسۇن، — دەپ سۆز باشلىدى ئۆدغۇرمىش، — مېنىڭ پەند-نەسىھەتلىرىمنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمە؟ مانا بۇ دۇنيا ۋە زاماننىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى تەربىيە قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ھېس قىلدىڭمۇ، بۇ دۇنيا ئىچى كاۋاك كونا دۇنيادۇر. ئۇ مىڭلىغان بەگلەرنى قېرىتتى، لېكىن ئۆزى قېرىمىدى، ئاخىرى ئۇ سېنىمۇ تاشلايدۇ. ئونىڭ ۋاقىتلىق سۆيۈشىگە ئالدىنىپ كەتمە، سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن بەگلەرنىمۇ ئاشۇنداق سۆيگەن. قېنى سەندىن بۇرۇن جاھان سورىغانلار، ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، سەلتەنىتى نەگە كەتتى؟ بۇ كۈننىڭ ساقىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىگە نەزەر سېلىپ، ئويلان. بەگلىك تەختى بۈگۈن ساڭا نېسىپ بولۇپتۇ، بۇ تەختتە ئوزۇن ئولتۇرالمايسەن، تەييارلىق كۆرۈپ قويغىنىڭ تۈزۈك. ئۆتكەنكىلەرگە قانداق ئىش پايدا بەرگەن بولسا، سەنمۇ شۇ ئىشنىڭ يولىنى تۇت، ئۇنىڭ لەززىتىنى كۆرسەن. ئۇلار ئۆلۈم ئالدىدا نېمىدىن پۇشايمان قىلغان بولسا، سەن شۇنىڭدىن يىراق تۇرساڭ خەيرىيەت كۆرسەن. ئۆلۈمنى كۆرگەن بولساڭمۇ، شۇ ئۆلۈمگە ھازىرلىق قىل، تىرىك قالارمەنمىكىن دەپ قوپال خۇيلۇق بولما.
ھەي خۇي-پەيلى ئوسال ئەر، ئۆلۈم يېقىن، تىرىكلىكىڭ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھاياتتىن ئۆز ھەسسەڭنى ئال. ھەي ھەۋەسكە قول بولۇپ بىخۇت يۈرگۈچى، ئۆلۈمگە سەل قارىما، ئەتە-تۈگۈن ئۇ سېنىمۇ ئېلىپ كەتكىلى كېلىدۇ. بۈگۈن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىڭگە نەزەر سال، ھاياتىڭ بىر كېچىلىك چۈش ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلا. ئەگەر ئىزگۈلۈك ئىشلارنى قىلغان بولساڭ، مەڭگۈلۈك ساۋاپ تاپىسەن. ئەگەر ئۆمرۈڭنى زايە قىلغان بولساڭ، كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي پۇشايماندا نادامەت چېكىسەن. يىگىتلىك كۈچىنى قايتۇرۇۋالغىلى، تىلەك تىلەش بىلەن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ساڭا بېرىلگەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىل، ئىبادەت بىلەن ئۆلۈمگە ھازىرلان!
ھەي ئېلىگ، داداڭمۇ سەندىن ئاۋۋال تولۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەگ ئىدى. لەكىمەك لەشكەرگە، تۈگىمەس خەزىنىگە ئىگە بولغانىدى. ئۇ ئارزۇسىغا قېنىپ بىر نەچچە زامان ياشىدى، ئاخىرى ئۇنىمۇ ئۆلۈم يۇتۇپ كەتتى. ئۇنىڭ تەڭداشسىز شۆھرىتىمۇ ئۆلۈمنى توسۇپ قالالمىدى. داداڭنىڭ ئۆلىمى ساڭا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى پەند-نەسىھەت. ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالساڭ قەنت-شېكەرگە ئوخشاش ئەسقاتىدۇ. مۇشۇنىڭغا باب كېلىدىغان بىر سۆز يادىمدا تۇرىدۇ، بۇنى ئاڭلىساڭمۇ كۆزۈڭنى ئاچىدۇ: «داداڭ قايسى چاغدا ئۆلىدىغان بولسۇن، ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغىنى شۇكى، ھەي ئوغلۇم، كۆزۈڭنى ئاچ، ئويغان. مېنى ئۆلۈم تۇتتى، كېتەر بولدۇم، بۇ نۆۋەت ساڭىمۇ كېلىدۇ. ئۆلۈمدىن بۇرۇن ياخشى نام قالدۇرۇشقا تىرىشقىن». ئاتا-ئانىنىڭ ئۆلىمى قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئەڭ ئىبرەتلىك نەسىھەت. ئۆلۈم ئاتا-ئاناڭغا راي قىلمىدى، نۆۋىتى كەلگەندە ساڭىمۇ راي قىلمايدۇ. بۇ دۇنيادا شۇنچە جاپا سالغان يەردە، سەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ۋاپا قىلارمۇ؟ ھاياتلىقنى قەدىرلىك بىلىپ، ئەڭ زۆرۈر، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىل. باشقىلارغا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ساۋابقا ئېرىش. زامان سېنى ئېلىپ كېتىشتىن بۇرۇن كۆڭلۈڭدىن ئۆز نەپسىڭنى تاپ. زىممەڭدە خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى يۈدۈدۈڭ، ئويلاپ سەگەكلىك بىلەن ئىش قىلغىن. غەپلەتتە قالما، ئەتراپىڭغا قارا. بىر توپ ئاچ بۆرىلەر ئولاشتى، ئۇلاردىن قويلىرىڭنى ساقلا. كۆزۈڭنى ئاچ، ئېلىڭدە تۈنۈگۈن بىرەرسى ئاچ قالغان بولسا، خۇدا سەندىن سورىقىنى ئالىدۇ. سەن مەشئەلدەك يانسەڭ، ئۇنىڭ يورۇقى باشقىلارغا چۈشىدۇ. ئۆمرۈڭ تۈگەپ، ھاياتىڭ ئاخىرلاشقاندا ئۇ كىشىلەر ساڭا قانچىلىك دالدا بولار؟! باشقىلار ئۈچۈن زورمۇزور ئۆزۈڭنى ئوتقا ئاتما. ئۇلۇغلۇقۇڭمۇ، بۈيۈكلۈكۈڭمۇ ئۆلۈم كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا سەندىن قالىدۇ. ھەي ئېلىگ، بەگلىكىڭ ئۆزۈڭ زامان پۇت تىرەپ تۇرسۇن.
دېسەك توغرا بولۇپ، ئادىل قانۇن يۈرگۈزگەن، ئۇلۇغ دانىشمەنلەرنىڭ كۆرسەتكەن يولى بىلەن ماڭ. ئۇلار تەلىم بېرىپ: دۆلىتىڭنىڭ ئولىنى مۇستەھكەملەشنى خالىساڭ توغرا قانۇن چىقار، ئادالەت يولىنى تۇت، ئاخىرەتلىك دۇنياغا ئېرىشمەك بولساڭمۇ ئادالەت يولىنى تۇت. سۆزۈم تامام، دېگەن. مەنمۇ بەك دەپ كۆڭلۈڭنى چوك تۇتما، دۇنيا ۋە دۆلەت ۋاپاسىزدۇر. بۇ قەسىر-ئوردا ساڭا تەگكەن بىر قونالغۇ. سەندىن بۇرۇنقىلارمۇ بۇ يەردە قونۇپ ئۆتكەن، يەرلىشىلمەي ئۆدۈل كەتتى. ئوردا-سارايلار ئەمدى ساڭا قونالغۇ بولۇپتۇ، يۆك-تاغلارنى ئۆزۈڭدىن بۇرۇن يولغا سېلىۋەت. بۇ يەردە يەنە ئوردا-سارايلارنى بىنا قىلما، ئۆتۈۋاتقان يىل، ئايلار ۋە كۈنلەر سېنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كېتىدۇ. ئۆزۈڭنىڭ مەڭگۈلۈك ياتىدىغان جايىڭنى ياخشىلىق گۈللىرى بىلەن زىننەتلىگىن. بۇ ئوردا-ساراينى بۈگۈن سەن «مېنىڭ» دەپ قاراواتىسەن، چوققۇرراق ئويلىساڭ ئۇ ساڭا تەئەللۇق ئەمەس. ئوردا-سارايلارمو ساڭا ھەقىقىي چىن گېپىنى دەۋاتىدۇ، ئاڭلاپ باق: سەن مېنى مېنىڭ دەۋاتىسەن، نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن، قانداقسىگە سېنىڭ بولاي؟ سەندىن كېيىنكىلەر سېنى «چىق» دەيدۇ، ئۇلارمۇ «مېنىڭ، مېنىڭ» دەپ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشىدۇغۇ؟!
ھەي دۇنيا بېگى، بۇ دۇنيانى بىر زىندان بىل، زىنداندا ئازاب-ئوقۇبەتتىن باشقا ھېچنېرسە بولمايدۇ. زىنداندىن ئارتۇقچە شادلىق كۈتمە. ھەقىقىي شادلىق ۋە ئاراملىق جەننەتتە بولىدۇ. ئۆتكۈنچى پاراغەتنى راھەت سانىما، ۋاقىتلىق شادلىقنى سائادەت دەپ ئاتىما. قانداقلا بولسۇن بۇ دۆلەت ئاخىرى قاچىدۇ، توپلىغان مال-دۇنيالىرىڭنىمۇ چاچىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ مەشەقەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، مەڭگۈلۈك دۇنياغا يۈزلەنگىن. راھەت-پاراغەت قوغلاشما، جاپا-مۇشەققەت بىلەن مەڭگۈلۈك پاراغەتنى قولغا كەلتۈر. ئاللانىڭ پەزلى بىلەن ساڭا قانچىلىك ياخشىلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقىغا ئوبدان
نە زە ر سال. ئو ئە ل ئچيدە قولوقني ئوزون قىلدى، تىلىنى راؤان قىلدى، تىلە ك- ئارزولىرىغا يە تكوزدي. كوروپ توروؤاتىسە ن، ساڭا ئوخشاش وؤجودلوق بە ندىلە رنى ئاللا ساڭا موەتاج قىلدى. ەە ي ەوكومران، بونىكقا شوكور قىلىش كېرە ك. ئو بە ندىلە رگە مۇلايىم ژە ياخشي موئامىلىدە بول، ئادىل بول، ئادالە ت بىلە ن تور. تە گري سېنى ئولارنىك ئوستىگە ئادالە ت ئوچون تىكلىدى. ەە ممە ئىشلىرىگني ئە قبل - ئىدراك بىلە ن ئىشلە، كوگلوكني ئويغاق توتوپ، ەاؤايي- ەە ژە سکە بېرىلمە. خە لقكە مېھرىبان بول، ئادالە ت نوروك چوك- كىچىككە ئوخشاش چوشسون. ئە ل ئچيدە ئاينىش، بوزولوش كؤرؤلسە قاتتىق توتوپ توزە ت، ەە رگىز مە يلىگە قويؤژە تمە. بىلىمدانلار شونداق ئېيتقان: «ەە ممىنىك ياخشي بولوشني تىلىسە ك ئاژژال ئوزوك ياخشي بول. ئە ل ئچيدە بولغىنشلارني تازىلايمە ن دېسە ك، ئالدي بىلە ن ئوزوكني تازىلا. ئاندىن ئە ل ئىچي يامانلاردىن تازىلىنىدو.» بە گ دېگە ن ئە لنىك بېشي، بە گ قاياققا ماڭسا ئە ل مو شونىك كەينىدىن ئە گىشپ ماگىدو. خە لق بوزولسا بە گ توزە يدو، ئە گە ر بە گ بوزولسا ئوني كىم توزە يدو؟ ئىشلىرىم ياراملىق بولسون دېسە ك، خولقوكني توزىتىپ، يارامسىز ئىشلارني تاشلا، ئاندىن ئارامخودا ياشىيالايسە ن. بونىك ئوچون مؤنداق بىر قانچە ئىشتىن ەە زە ر ئە يلە: جاەىللىققا يېقىن تورما، پىتنە - پاساتتىن نېرى تور. بو ئىكکي قىلىق ئە رنىك يۈزيني قارا قىلىدو. يارامسىزلىق ژە ياؤؤزلوقنى خالىمىغانىكە نسە ن، ئوزوگمو يارامسىز ئىشلارني قىلما. راەە ت- پاراغە ت قوغلاشما، ەاراققا بېرىلمە، بو قىلىقلار تېگي يوق دېگىزغا ئوخشاش سېني ەالاك قىلىدو. تىلىك بىلە ن دىلىگني بىردە ك قىلىپ، پە زىلىتىگني يوكسە لدور. ئوزوكني ئونتوپ يولوگدىن تايما، ەە ر قانداق ئىشگىدا ئە قبلني يولباشچي، بىلىمنى كېگە شچي قىل. ەە ممە كوركە م ئىشلار بىلىمدىن وؤجودقا كېلىدو. خوي- پە يلىك دوروس، ەە رىكتىك مۇلايىم بولسون.
قوشۇنۇم ۋە مۇلازىملىرىم بار دەپ كېرىلىپ تەكەببۇرلۇق قىلما، قانچىلىغان تەكەببۇر، گەۋدە يەققەن باتۇر ئوغلانلار ئۆلۈپ تۇپراقنى يېپىنچا قىلدى. يېتىلگەن بىلىملىك كىشىلەر بىلىپ: خەزىنەم كۆپ دەپ كۆرەڭلەپ كەتمە، قوشۇنۇم، خادىملىرىم نۇرغۇن دەپ مەيدەڭنى كېرمە. كۈچكە تەمەننا قويۇپ مەيدىسىنى كەرگەن نەمروتنى بىر پاشا ئالدىدا ئامالسىز قالدۇردۇ، دېيىشكەن.
ئىش قىلغاندا غەزەپلەنمە، ئۆپكە-كىنى بېسىۋال. دىن ئىشلىرىدىن باشقا ئىشلارغا ئالدىراپ كەتمە، ئالدىراپ قىلغان ئىش پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ئېھسان بېرىدىغان بولساڭ ئالدىرا، جازا بېرىپ قامچىلاشتىن ئۆزۈڭنى بېسىۋال. سۆز ۋە ھەرىكەتتە ھودۇقما، سەۋر قىل، سەۋىرلىك ھېلىم ئاتىلىدۇ، بۇنى بىل. سەخى بولۇپ، ئەلگە مال تارقىتىپ قورساقنى تويغۇز، خەسىسلىك نامىدىن يىراق بولغايسەن. يەنە بىرى ئادەم قوپال سۆزلىمەسلىك، يىرىك سۆز كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى تېز سوۋۇتۇۋېتىدۇ. ھەممە ئادەمگە شېرىن سۆزلۈك بول، ئۇلارغا ئوچۇق چىراي، نۇرلۇق ماڭلاي بىلەن باق.
ھەي ئەقىلنىڭ خىللانغان ئۆلگۈسى، ئاۋام ياخشىلانسا، ئۇلارنىڭ ياخشىلىنىشى ئۆزۈڭگە بولىدۇ. ئەگەر بەگلەر ياخشى بولسا ئۇنىڭ بەرىكىتى ئەلگە ياغىدۇ. بەگلەرنىڭ خۇي-پېيلى ناچار بولسا يامانلار كۆپىيىپ ياخشىلىقنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرىدۇ. شۇڭا، ئۆزۈڭ ياخشى بولۇپ يامانلارغا يول قويما، ئۇلارنى بېسىپ تۇت. يامانلىق خۇددى زەھەرگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ ھاياتىڭنى يەم قىلىپ بەرمە. ئەقىللىقلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت. بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەققىنى ئادا قىل، ئىشەنچلىك، چىن، توغرا ۋە ياخشى نام ئالغان كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، ئۇلارغا ئىشلىرىڭنى خاتىرجەم تاپشۇر.
بۇ تايغاق، ئالدامچى دۇنيادا ھوشىيار بول، بېخۇت بولما. ئۇ ياسىنىپ، جىلۋە قىلىپ كۆڭلۈڭنى ئۇتۇدۇ، كۆڭۈل بەرمىسىمۇ.
308
يۈز ئۆرۈيدۇ. كۆپ غەم-قايغۇ قىلما، ئۆلۈمنى ھەم ئۇنتۇما، ئو ساڭا باسقۇن قىلمىسۇن. بەگلىك بىلەن مەست بولۇپ غەپلەتتە ئۇخلىما. بۈگۈنكى ھالاۋەتكە ئالدانما، ئاخىرەتنىڭ سائادىتى توغرىسىدا قاتتىق ئويلان. ئو دۇنيانىڭ ھۇزۇرى چېكىسىز، شادلىقى تۈگىمەستۇر. ھالاۋەت دېسە مانا شۇنى دېسە بولىدۇ. بىلىمى بىلەن ئەلدە ھۆرمەتكە نائىل بولغان بىر كىشى: ئاللانىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولساڭ چېكىسىز مېھرى-شەپقەت ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھالاۋەت كۆرىسەن. ئەگەر مەغرۇرلۇق پاتقىقىغا پاتساڭ، مۇقەررەركى، چىدىغۇسىز ئازابقا، خورلۇققا مۇپتىلا بولىسەن، دېگەن.
ھەي ئېلىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئاغرىق، ئۇلار ساڭا موھتاجدۇر، سەن ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ تېۋىپى دەپ قارا. زامانىڭغا ئوبدان نەزەر سال، ھەممە ئىش-ھالەتلەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى. بىلىملىكلەر خارلاندى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئايايدىغان بولۇپ قالدى. ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى. ئەل ئىچىدە يارىمىس پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولدى. مەي بىلەن يۈزۈنى يۇيىدىغان بىنامازلار مەرد-باتۇر ئاتىلىپ، ئەلگە كۈچ كۆرسەتمەكتىدۇ. پىتنە-پاساتچىلار ئەر ئاتىلىپ، مەي ئىچمەيدىغان پاك كىشىلەر خەسەس دەپ تونۇلۇۋاتىدۇ. ھەي ئەل ھۆكۈمدارى، ناماز، روزا بىلەن يۈرگۈچى كىشىلەر مۇناپىق ئاتالدى، ھەممىدە ھارام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ ھالال يوقالدى. ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا كىر بېسىپ كەتتى. ھالالنى قەيەردىن ئىزدەپ تاپقۇلۇق؟ ھالالنىڭ نامىلا قالدى، لېكىن ئۆزى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھارام بولسا تالاشتا قالدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. ھارامنى ھارام دېگۈچى، ھارامنى تاشلاپ ھالال يېگۈچى قېنى؟ قىيامەت كۈنىنى بىلىدىغان ھەقىقىي، توغرا، تەقۋادار كىشىلەردىن كىم قالدى؟ قارا، دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن ئۆزگىرىپ
كەتتى. كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ، جاپا غالىب كەلدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەممۇ تاپقىلى بولمايدۇ. قېرىنداشلار يېقىنلىقنى تاشلىشى، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، چوڭدا بىلىم كەلمىدى. قوپال نادانلار كۆپىيىپ، پەزىلەت ئېگىلىرى ئازايدى. ھەممە يېقىنلىق پۇل-يارماق ئۈچۈنلا بولدى، ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى، كىمدە كۈمۈش كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ ئامانەتنىڭ ئورنىنى خىيانەت ئىگىلىدى. «نەسىھەت» دېگەن سۆزلا قالدى، ئۇنى ئادا قىلغۇچى قېنى؟ قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى، قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى؟ سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇدى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار نەسىھەتنى تەرك ئەتتى. بىلىملىكلەر كۆڭلىدىكىنى دېيەلمەيدىغان بولدى. ئاياللاردىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ، يۈزلىرىنى ياپماس بولدى. توغرىلىقنىڭ ئورنىنى ئەگرىلىك ئىگىلىدى. جامائەت كۆپ، مەسچىتلەر ئاز ئىدى، مانا ئەمدى مەسچىتلەر كۆپەيسە جامائەت ئازايدى. بۇلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغۇچىلار بارمۇ؟
مۇسۇلمانلار قارشىلىشىپ بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشمەكتە، كاپىرلار بولسا ھۇزۇر-ھالاۋەت ئىچىدە يۈرۈشمەكتە. مۇسۇلمانلارنىڭ بايلىقلىرى بۇلاندى، تالاندى. ھالال بىلەن ھارامنى پەرقلەندۈرگۈچى نەدە؟ پىتنە-پاسات شاۋقۇنى كېچىسى ئارام بەرمەيدىغان بولدى، قورقان ئاۋازى بەك ئاز، ئۇ نەگە كەتتى؟ ھەقىقەتنىڭ ئۆزى يوقالدى، ھىدلا قالدى.
نەزەر سال، ئوغۇل ئاتىسىغا قاتتىق قىلىۋاتىدۇ، ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا بولغۇچى قۇل بولۇۋاتىدۇ. ئوغۇل-قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى، «قېرى» دېگەن ھۆرمەتلىك نام ئەمدى ھاقارەت بولۇپ قالدى. تۇرمۇش ئېغىرلىشىپ تەشۋىش ئېشىپ كەتتى. ئاچ كۆزلۈك ئەدەپ، خوشاللىق سەرەكلەشتى. پېقىر،
تول خوتون، يېتىم ئوغۇللارغا شەپقەتچى يوق. جاھان ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، بۇنىڭغا ئەجەبلەنگۈچى قېنى؟ قانۇن بۇزۇلۇپ دۇنيا تەرتىپى ناچارلاشتى، يامانلارنى كۆرۈپ ياخشىلارمۇ ئاينىدى. بەزىلىرى زۇلۇم چىكىۋاتىدۇ، بەزىلىرى نامراتلىقتىن ئەلەم تارتىۋاتىدۇ؛ بەزىسى ئاچ، بەزىسى يالىڭاچ، بەزىسى قايغۇ بىلەن نادامەت چېكەمەكتە.
قانۇن-نىزام ئۆزگىرىپ كەتكەچكە، ئاق بىلەن قارا پەرىقسىز بولۇپ ئارىلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەتنىڭ بەلگىسىدۇر. ھەي بەگ، بەلگىسى كۆرۈنسە كېلىدىغىنى كېلىدۇ. قۇدرەتلىك تەڭرىم ئىمانىمىزنى ساقلىسۇن، بۇ بالا، يامان ئىزلارنى ئارىمىزدىن كۆتۈرۈۋەتسۇن.
بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى سەندە، ئۆزۈڭ تېپىپ بولۇپ، دورا-دەرمان بىلەن ئىللىگنى كېسەلدىن قۇتۇلدۇر. ئەگەر سەن دورا-دەرمان بىلەن داۋالىمىساڭ، خەلق ھاياتىنىڭ ئاپىتى بولسەن، ئاخىرەتتە ئاللا بۇنىڭ سورىقىنى ئالىدۇ. بۇ جاۋابكارلىقتىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ياخشى جاۋاب تەييارلىغىن.
ھەي بەگ، بۇ دۇنيا خۇددى تېرىلغۇ يەرگە ئوخشايدۇ، نېمە تېرىساڭ شۇنىڭغا ئېرىشىسەن. يۈرگىن، ياخشىلىق ئۇرۇقىنى چاچ، ئۇ ساڭا مەڭگۈلۈك ياخشىلىق ھوسۇلىنى بېرىدۇ. ھايات تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەگلىكمۇ قالىدۇ. ساڭا كېلەچەكمۇ ئۆچمەيدىغان ياخشىلىق ئىزى بىلەن مەڭگۈلۈك ياخشى نام قالدۇرۇشتۇر. ياخشى بول ياكى يامان بول، قالىدىغىنى نام. نامىڭ ياخشى بولسۇن دېسەڭ يامانلارغا ئارىلىشما، غەيۋەتخورلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن يولاتما، پىتنەخورلاردىن ھەزەر قىلىپ، ئۆزۈڭنى قاچۇر، ئونداق كىشىلەر زىيانكەشلەردۇر. كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى دۈشمەن ھېسابلا، دۈشمەن.
ھەي ئىلىگ سەگەك تۇر، سەگەك! بەگلىكنىڭ ئاساسى سەگەكلىكتۇر. غەپلەتتە قالغانلار زىيانغا يولۇققۇچىلاردۇر.
بەگلىكنىڭ زاۋال تېپىشىمۇ غەپلەتتىن بولىدۇ. بەختسىزلار ھەر ئىككى دۇنيادا نادامەت چېكىۋېرىدۇ. دۇنيا سېنى بېزەپ ئەللەي ئېيتىدۇ، بىخۇت بولما، بىخۇتلۇق سېنى ئۇخلىتىپ قويمىسۇن. بىخۇتلۇق دېگەن ئۇيقۇغا ئوخشايدۇ، ئۇيقۇلۇق ئادەم ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. ئەگەر ئىنسان غەپلەتتىن قۇتۇلالىغاندا ئىدى، پەرىشتىگە ئايلانغان بولاتتى. غەپلەتتىن ئويغانغان بىلىملىك بىر زات: خۇشاللىق بىلەن ئېيىش-ئىشرەتنىڭ ھەممىسى غەپلەتتۇر، بۇ غەپلەت كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىش يولىدۇر. ھەي غەپلەتتە ئۇخلىغۇچى، ئويغان. يا رەببىم، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن، دېگەن. قان تۆكمە، ئۆزۈڭگە دۈشمەننى كۆپ تېپىۋالما، بۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە پەرياد چېكىسەن. ئۆزۈڭنى ھارامدىن قاتتىق كۆزەت، ھارام يېگۈچىنىڭ ئورنى جەھەننەمنىڭ تېگىدۇر. بارچە كىشىگە مېھرىبان بول، يولاقتىن ئۆزۈپ باشقىلارنىڭ زىيىنىنى كۆزلىمە. ئاللانىڭ سوراق-سۇئالىغا تەييار تۇر، ئاللانىڭ سوراق-سۇئالى ھەممە يەرگە يېيىلغان تۇزاققا ئوخشايدۇ. تەقۋادار كىشىلەر بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: ھەي خەلققە ئۆكتەملىك قىلىپ بەخىرامان يۈرگۈچى، ئاللانىڭ سوراق-سۇئالىغا ئىش-ئەمەلىڭنى تەييارلا. ھەي گۇناھكار مەيىپ، ھەي مەنىسىز مەئىشەتكە قۇل بولغۇچى، ھېساب بېرىشكە تەييار بول، چىقىش يولىنى ئىزدە. شۇنداق، ئاللا ماڭغان-تۇرغان ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، بۇ ھېسابنى بېرىشتىن قۇتۇلالامسەن؟ ئەقلىڭدە كۆز-قۇلىقىڭنى ئېتتىك قىل، ھەممە كىشىنى شەپقەتتىن بەھرىمەن قىل.
ھەي تىلىگ، قىلىچ-قامچا ئۆزۈڭنىڭ قولىدا، يامانلار ئۈچۈن ئىشلەت. يامانلار يامانلىقنى تاشلىمىسا، سەنمۇ جازا قورالنى چىڭ تۇتۇپ جازا بېرىشنى توختاتما. ئۇلار قامچا يەپمۇ تۈزەلمىسە، ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول. تىلىگ ئەسكى بولسا دۇنياغا ئاپەت بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرمىسا يولدىن ئازىدۇ. ياخشىلارنى
312
قەدەرلە، ياخشىلىق يەتكۈز. شۇنداق قىلساڭ خەلقىڭنى تۈزىيەلەيسەن. ئويۇن-تاماشىغا بېرىلمە، راھەت-پارائەتكە ھېرىسمەن بولما، ئۆزۈڭنى ئايا، كۈنلىرىڭ ئاز قالدى. قانۇننى ئادالەت ئۈستىگە ئورنات، توغرا قانۇن بىلەن بەگلىكىڭ مۇستەھكەم بولىدۇ. چامىڭ يېتىشچە تىرىش، ئەھمىيەتسىز بىرەر ئىش قىلىپ قويغان بولساڭ ئۆزرە سوراپ تۇر. قانۇن بىلەن خەلققە باشچىلىق قىلىپ داڭقى چىقارغان كىشىلەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: «خەلققە ئادىل بول، تېگىشلىك ھەسسىسىنى بەر. ئەگەر سەندىن سەۋەنلىك سادىر بولغان بولسا ئۆزرە ئېيت، تىلىڭ بىلەن توۋا-ئىستىغپار ئوقۇ.» خەزىنىڭگە ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆپ توپلىما، بايلىقىڭ بولسا كىشىلەرگە ئۈلەشتۈر. ئۆلۈم تۇتسا بايلىقلىرىڭنى ئوغۇل-قىزلىرىڭ ناچار ئىشلارغا، راھەت-پارائەتكە سەرپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھوزۇرىنى باشقىلار سۈرسە، ھېسابى ساڭا يۈكلىنىدۇ. تىرىشىپ ھايات چېغىڭدا مال-دۇنيالىرىڭنى ئورۇنلۇق ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ساۋاب تاپ، ھېساب بېرىشتىن قۇتۇلغىن. ئاچ كۆزلۈك، تەمەخورلۇق، خىيالپەرەسلىك قىلماي، ئۆلۈم ياقاڭغا يېپىلاشماستا بار-يوقۇڭدىن پارىغ بول. ھەي ئەجەلنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى، بۇ ئىشتىمۇ ئالدىراپ مېڭىپ ئۆزۈڭگە ئورۇن ھازىرلا.
ھەي بەگ، غەمنى ئازراق يەپ، كۆپرەك ئىبادەت قىل. سۆزنى ئاز قىلىپ، ياخشى ئىشنى كۆپرەك قىل. تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا نەزەر سال، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئۇلارنى ئاۋايلىيالمىساڭ ھەقىقىي ئادالەت قىلغان بولمايسەن. ئاچ كۆز كىشىلەرگە ھوقۇق بەرمە، ئاچ كۆز ئەمەلدار روناق تاپقان ئېلنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ. بۈگۈن ئۈچۈن ئاخىرەتتە سوراق بار. ئاخىرەتنى ئويلىساڭ توغرا يولدا يۈر. بۈگۈنكى كۈنۈڭدىن ئاخىرەتتىكى كۈنۈڭ ياخشىراق بولسۇن. دىننىڭ «دال» (د) ھەرپى بىلەن دۇنيانىڭ «دال» (د) ھەرپى بىر-بىرىگە قارشىدۇر. بىرىگە يېقىنلاشسا، يەنە بىرى قاچىدۇ، ئىككىلىسىنى تەڭ تۇتسا،
ئادەم يولدىن ئازىدۇ. دۇنيانى بوران-چاپقۇن، گۈلدۈرماسىلىق يامغۇر ھېسابلا، ئۇ كېلىدۇ-دە، بىر ھازا گۈلدۈر-تاراق قىلىپلا جىمىيدۇ. بەخت كەلگەندە ھەممىنى ئىشىكىڭ ئالدىغا توپلايدۇ، كۆڭۈل باغلىسا يەنە دەرھال باشقىغا بېرىۋېتىدۇ. ئەمدى «باي بولدۇم» دېگەندە نامرات قىلىۋېتىدۇ، «قەدەرلىك بولدۇم» دېگەندە تۇپراقتەك قەدىرسىز قىلىۋېتىدۇ. دۇنيانىڭ توقلۇقى ئەھمىيەتتە ئاچلىقتۇر، راھەت-پاراقىتى ئەھمىيەتتە مۇشەققەتتۇر.
نەپسى بالالىق قىلما، نەپسىڭگە قارشى قاتتىق جەڭ قىل. ئۇنىڭ تىلىكىنى ئورۇندىما، ئۇنىڭغا ھۇزۇر كۆرسەتمە. نەپس ھەممىدىن ياۋۇز دۈشمەندۇر. ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلساڭ يامانلىقنى كۆرسەڭ، ۋاپا قىلساڭ بەدىلىگە جاپا يۇتۇسەن. ئۇنىڭغا جاپا قىلساڭ ئاندىن ۋاپا كۆرسەن. نەپسىڭنى خار تۇتساڭ بىلىملىك، ئەقىللىق خان بولۇپ ئەزىزلىنىسەن. دۇنيادا ئەڭ ياۋۇز دۈشمەن ئىككى: بىرى، بۇ دۇنيا، يەنە بىرى، نەپس بالاسى. بۇ ئىككى دۈشمەننىڭ تۇزاقلىرى ھەر دائىم قورۇقلۇق.
ھەي بەخت قوغچۇقى، ھازىرقى بەختكە مەغرۇرلىنىپ كۆڭلۈڭنى چوڭ تۇتما. تىرىكلىكىڭگە ئىشىنىپ كۆرەڭلەپ كەتكەن. بۈيۈكلۈكىمۇ، ئۇلۇغلۇقىمۇ ئۆتكۈنچىدۇر. بۇ دۆلەت ئۆتمە كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۆچىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاپاسىز دۇنيانى تاشلاندۇق نەرسە ھېسابلا.
ئالىملىرى، دۆلەت ئىشىدا مۇنۇ ئۈچ خىل خادىمنى تاللانغان كىشىلەردىن تۇت. بىرىنچىسى، قازى، ئۇ زېرەك، پاك، تەقۋادار، خەلىققە پايدىلىق بولسۇن. ئىككىنچىسى، خەلىپەت، ئۇ ئىشەنچلىك، چىن بولسا، خەلىق بەخت ھۇزۇرىغا چۆمىدۇ. ئۈچىنچىسى، ۋەزىر، ئۇ تېخىمۇ تاللانغان بولسۇن. خەلىققە نېمە كەلسە شۇنىڭدىن كېلىدۇ. بۇ ئۈچ كىشى توغرا، ئادىل بولسا خەلىقنىڭ كۈنلىرى يورۇپ ھالاوەتكە ئېرىشىدۇ، ئىشىڭ روناق تېپىپ، خەلىق بېيىيدۇ، شۇ چاغدىلا ساڭا ياخشى دۇئا قىلىدۇ.
314
ئەگەر بۇ ئۈچ كىشى يارامسىز بولىدىكەن، پۈتۈن خەلقنىڭ ئىشلىرىمۇ يارامسىز بولىدۇ. بۇ ئىشقا مۇناسىپ قىلىپ مۇنداق دانا سۆزلەر ئېيتىلغان: ۋەزىر بەگنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتەكلىگۈچىدۇر، ئۇ ھەم ئەلنى، ئوردىنى، بەگنى مەشھۇر قىلغۇچىدۇر. ۋەزىر ئەگەر چۆرۈۋەرنى تەرسىگە يېتەكلىسە، ھەممە ئىش تەرسىگە يۈزلىنىدۇ.
بۇ دۇنيا نېمەتلىرىنى بىر كۆڭلۈك تەييار داستىخان ھېسابلىغان تۈزۈك. مىدىرلاپ يۈرگەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئازراق يەپ-ئىچىدۇ. بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەجدادلار بۇ داستىخاندىن تېگىشلىكىنى يەپ تويدى ۋە ئاخىرى ئۆلۈم ئۇلارنى يۇتتى. قارا، ئۇلار ئەمدى ئۇلۇغ مەھشەر كۈنىنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئۇلار بىزنىمۇ كەينىدىن بېرىشقا ئۈندىمەكتە. يەنە بىر ئەۋلاد قورساقلىرى ئاچ بولۇپ، ئۇلار داستىخاننى ئۆزلىرىگە بىكارلاپ قويۇپ كېتىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. كۆرمەمسەن، بىرى چاقىرماقتا، يەنە بىرى قوغلانماقتا. بۇ ئىككى ئارىدا قانداقمۇ ھۇزۇر ئالغىلى بولسۇن؟!
ھەي شۆھرەتلىك خان، تەقۋادار بولماقنى تىلىسەڭ ھالالدىن رىزىق تېپىپ، ھالال مەئىشەت قىل. ھالال مەئىشەت قىلغان كىشى خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولمايدۇ. كىمنىڭ كۆڭلى پاك بولسا ئۇ گۇناھتىن پاك بولىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسىمۇ دەريادەك بولىدۇ. سەن ھەرگىز ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىمە، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلى. ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتى خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ. بەگ دېگەن سائادەت دېمەكتۇر، ئۇ خەلققە سائادەت كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ قورساقىنى تويغۇزۇش لازىم. بەگلەر تېگى ئۈنچىگە تولغان دېڭىزغا ئوخشايدۇ. بۇ دېڭىزغا يېقىنلاشقانلار بېيىشى كېرەك. بەگلەر ئالتۇن-كۈمۈش كانىدۇر، بۇ كاننى قازغانلار باي بولمىسا بولامدۇ؟ سەن ئۆزۈڭنىڭ سېخىيلىقى بىلەن دۇنيانى تويغۇزالايدىسەن.
ھەي ھۆكۈمدار، خەلققە قۇياشتەك يورۇق ۋە ئىللىق بول. خەلقىڭ سېنىڭ سايەڭدە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتىن خاتىرجەم بولسۇن. بۇ ئاللانىڭ ساڭا تاپشۇرغان مۇقەددەس ئامانىتى، بۇ ئامانەتنى قوغدا دەپ ساڭا ئېيتىلمىدىمۇ؟ سەن ئۆزۈڭگە ئەلنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ باق، بىر ئۆزۈڭ ئۈچۈن قانچىلىغان نەرسىلەرنى توپلىدىڭ؟ سەن ئۈچۈن دېڭىزدىكى ئۈنچە-مەرۋايىتلار كەمىلىك قىلىدۇ، زېمىندىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرمۇ خەزىنەڭگە توپلىنىدۇ. تاغلاردىكى جاۋاھىراتلارنى قېزىپ كېلىپمۇ سېنىڭ ئېھتىياج پۇتاڭنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. يەردە ئۆسىدىغان ھوسۇل-دانلارمۇ سېنىڭ ئامبىرىڭغا توپلىنىدۇ. ھەي پەيلى يامان، ئۇچار قۇشلار، يۈرىدىغان مەخلۇقلار، سۇدىكى بېلىقلار سەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كارۋانلىرىڭ ئەلمۇئەل يۈرۈپ دۇنيا كېزىپ، تاۋار-دۇردۇنلارنى، تىيىن، سۈسەرلەرنى، رۇمنىڭ نەپىس كىمخابلارنى، دۇنيانىڭ باشقا ئېسىل نەرسىلىرىنى ئەكىلىپ ساڭا توپلىسىمۇ ئامبىرىڭ تولمايدۇ. ئەرەب ئارغىماقلىرى، ئېسىل تۇلپارلار بىلەن ئېغىل-ئوقۇرۇڭ تولدى، قېنى كۆز-قارنىڭنىڭ تولغىنى؟ يايلاقلاردا سانسىز ئاتلار، ئوقۇرۇڭدا مىڭلاپ خېچىر تۇرۇپتۇ. تۈمەنلىگەن خىل تۆگىلەرنى توپلاپسەن، قوي-پادىلىرىڭ تاغ-ئوتلاقنى قاپلاپتۇ. تەسكەي تەرەپتە سانسىز قوتۇزلىرىڭ ئوتلاپ يۈرىدۇ، ئادىلاردا بۇقا، سىيىر، ئۆكۈزلىرىڭ يايلاۋاتىدۇ. قىيالاردا يۈرىدىغان تاغ ئۆچكىلىرى، تېكىلىرىمۇ سېنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئارقار، جەرەن، بۇغا-ماراللار بولسۇن ھەممىسى سېنىڭ تۈگىمەس ئۆزۈقۈڭ. قۇلان ۋە ئايغىر، ياۋا كۆك تېكە بولسۇن تۇتۇپ ئالدىڭغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۆرە، تۈلكە، ئارسلان، ئېيىق ھەم توڭگۇزلارمۇ سېنىڭ ئوقلىرىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاسماندىكى تۇرنىلار، قوداي، ئاق قو، لەيلەك، كەبلىك، بۆدۈنە ۋە ياكى غاز بولسۇن، ئۇچار قاناتلارنىڭ ھېچقايسىسى سېنىڭ تورۇڭدىن قاچالمايدۇ. ئۆز قۇشلىرىڭ ئۇچار
316
قاناتلارنى ئۇچۇرمايدۇ، ئۆز ئېتىلىرىك يۈرىدىغانلارنى يۆرىگۈزەلمەيدۇ، ئاتالمىشلار ئاتىسىدىن، ئاتالمىشلار ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم بولىدۇ. مانا دۇنيانىڭ شۇنچە دەپنە دۇنياسى ساڭا توپلانغاندىمۇ يەنىلا يېتىشمەيدۇ. بىراق ئۇلار تۈگىمەيدۇ، يەنىلا ئاخىرى ئۆزۈڭ تۈگەپ كېتىسەن. شۇنچە دۇنيا توپلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇ. ئەجەل جېنىڭنى ئالىدۇ، ھاياتلىق يىلتىزىڭ قۇرۇيدۇ، ۋەسسالام.
نەزەر سالساڭ بۇنىڭ ھەممىسى ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئىچىرقانغان كىشىلەردىن كىممۇ تويغان. كۆزى تويغان، قارنى-كۆكسى توق بىر قانائەتچان شۇنداق دېگەن: «ئاچ كۆز كىشى پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ ئۇ باي ئەمەس، ئۆزى باي بولسىمۇ كۆزى ئاچ كىشى ھەقىقىي كەمبەغەلدۇر. ھەقىقىي باي قانائەت ئىگىسىدۇر.» راست، ئاچ كۆز ئادەمگە باي بولۇشمۇ ھېچقانداق ھۇزۇر بېرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھالىغا ئېسىت دېگۈلۈك. چۈنكى، ئۇلارغا پۈتۈن دۇنيامۇ ئازلىق قىلىدۇ. قارا تۇپراق ئۇلارنىڭ كۆز چاناقلىرىنى تولدۇرمىغىچە مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ كۆزىنى تولدۇرالمايدۇ.
* * *
— ئالىملىرى، مانا بۇ مېنىڭ بىلگەنلىرىم، — دەپ سۆزىنى خۇلاسىلىدى زاھىت ئۆدغۇرمىش، — نېمە بولسا شۇنى ساڭا ئوچۇق ئېيتتىم. سۆزلىرىمنىڭ تەگىگە يەتكەن چاغدا ئاندىن كۆزۈڭ ئېچىلىدۇ. نەسىھەتلىرىمنى تۇتساڭ كەلگۈسىدە پايدىسىنى كۆرىسەن. ئەگەر تۇتمىساڭ بۇ سۆزلىرىم ساڭا ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاقىللار بۇ ھەقتە: توغرا نەسىھەت كىشىلەرگە پايدىلىقتۇر، بۇ لوقمىنى داستىخاندا قوي، خالىغانلار ئېلىپ ئۆزۈقلانسۇن، ئەگەر بۇ پايدىلىق لوقمىنى يېيىشنى خالىمىسا،
ئارىلاشما، ئۆزىڭگە قويۇپ بەر، ئۇ يېنىپ تۇرغان ئوتنى يېسۇن، دېگەن.
ئودغۇرمىش تەمكىنلىك ۋە پاراسەت بىلەن راسلىغان نەسىھەت دەستىخىنىغا ئەڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تىزىپ بولغاندا، ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزلىرىگە كەلگەن ئاچچىق ياشنى يوشۇرالماي قېلىشتى. شۇنچە گەپلەر بولۇپ ئۆتكۈچە دىققەت بىلەن سۈكۈت قىلىپ ئاڭلىغان كۈنتۇغدى ئىلىگ ئودغۇرمىشتىن قاتتىق سۆيۈنگەن بولسا، ئۆز-ئۆزىدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئودغۇرمىشتىن قۇتلۇق دۇئا بېرىشنى تەلەپ قىلدى:
— ھەي دىلى سەگەك، ئويغاق زات، سەن پاراغەت بىلەن ياشاۋاتىسەن، ئەمدى بۇ بەگلىك ماڭا بىر پالاكەت بولدى. مەن چۈشەندىم، كۆزۈم ئېچىلدى، ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئوتقا تاشلاپ ياشاپتىمەن، دۇرۇس يولدىن ئادىشىپتىمەن. سەن ماڭا نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بەردىڭ. ئەمدى ماڭا دۇئا قىل، ياخشىلىق يولىدا خۇدا ماڭا تەۋپىق ئاتا قىلسۇن.
ئودغۇرمىش كۈنتۇغدى ئىلىگكە دۇئا قىلدى:
— ئەي ئەلنىڭ باشپاناھى، ئاللا ساڭا تەۋپىق بېرىپ تىلىكىڭگە يەتكۈزسۇن. يەنە شۇنى تەكىتلەپ قوياي، ھەرگىز ھاۋايى-ھەۋەسنى قوغلانما، ئۇ ئادەمنى بىكارچى قىلىۋېتىدۇ. ئىنساننى خار، زەبۇن قىلىپ تۈگىتىۋېتىدىغان نەرسە ۋۇجۇدۇڭنىڭ لەززىتىگە بېرىلىشتۇر. تەن مۈلكىنىڭ قىلمىشى بولسا ئادەمگە بويسۇنماسلىقتۇر. بۇ كونا، قېرى دۇنيانىڭ زەھەردەك ئاچچىق قىلىقلىرى ۋە نەيرەڭلىرى قانچىلىغان بەگلەرنى نابۇت قىلدى، سەندەك تالاي بەگلەرنى قېرىتتى، سېنىمۇ ئۇزاق ياشاتمايدۇ. ۋاقىت، كۈنلىرىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمە، ئۆلۈمنى يادىڭدىن چىقارما. بىر كۈنى ئۆلۈم تىرنىقى بوينۇڭنى سىقىشقا كېلىدىغانلىقىدىن گۇمانلانما، ئويغاق ياشا. ھەي ئىلىگ، ھەرگىز
ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالما، ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالغاندەك بولساڭ ئەسلىڭگە نەزەر سېلىپ، قايتا-قايتا ئويلان. كىمدە كىم بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك بولسا توغرا يولدىن يىراقلىشىدۇ. ئۆزىنى بىلگەن، ھەۋىسىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرغان كىشلەر شۇڭا: «ئۆلۈمنى، مەڭگۈلۈك ماكانىمىز گۈرنى ئۇنتۇغۇلۇق ئەمەس. شۇڭا ئۆزۈڭنى ئۇنتۇما، بۇ تەۋسىيە ھەر دائىم ئېسىڭدە بولسۇن» دېگەن. سەن «مەندىن تۆۋەنلەكمەن دەپ مەمنۇنلىق قىلما، ئەگەر مەمنۇنلىق قىلساڭ قىممىتىڭ ئەشۇ مەنىسىزلىكتۇر.» «ئۆلۈم دېگەن پەستىرىمدىن چىققاندەك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولىدۇ، كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ سېنىڭ جېنىڭغا كەلمەكچى بولسا ھەرگىزمۇ ئادىشىپ قالمايدۇ. ئادەم ھاياتلىقىدا ھېچقانداق مۇشەققەت تارتىمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆلۈمنىڭ ئىنتايىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەندىن كېيىن قارا يەر قېتىدا چىرىپ تۈگەيدىغانلىقىنى ئويلاشىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىكمۇ؟! بۇ ھالنى ئوبدان بىلىدىغان ئەقىللىق كىشلەر قانداقمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالىسۇن، قانداقمۇ مەئىشەت بىلەن مەشغۇل بولالالىسۇن؟! ئىلىم بىلەن ھىممىتىنى يۈكسەك قىلغۇچى بىلىم بېرىپ شۇنداق دېگەن: «ھىممىتىڭنى بۈيۈك، كۆڭلۈڭنى يۈكسەك قىل، دۇنيانى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچ. يىلان بىلەن تولغان بۇ دۇنيانى، بۇ زىنداننى تاشلاپ ھەقىقىي دۇنياغا ئىنتىلگىن.» يەر دېگەن پاك جاننىڭ قېپى، تېنىڭ بۇ قاپقا كىرگۈسى. قاراڭغۇ قۇدۇققا ئوخشاش دۇنياغا ھەممە بالا-قازا، جاپا-مۇشەققەت جۇغلانغان. بۇ زىندانغا كۆڭۈل بېرىپ نېمىمو تىلەرسەن، بۇ يەردە تۇرۇپ نېمە راھەت كۆرەرسەن؟! بۇ بىر ئوچۇم توپراقنى تاشلا، ئۇلۇغ، مەڭگۈلۈك سۆزۈك ماكاننى تاپ. بۇ دۇنيانىڭ مەينەتچىلىكىدىن ئۆزۈڭنى پاك تۇتساڭ سەراپنىڭ نېمە ھاجىتى؟
مال-دۇنيا قانچە كۆپەيگەنسېرى، ئۇنىڭ باش ئاغرىقىمۇ شۇنچە چوڭىيىدۇ. بىراق، ئادەم نەچچە مىڭ يىل ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ
319
ئېھتىياج پوتىسى، ئارزۇ قۇتىسى مەڭگۈ تولمايدۇ. شۇڭا بۇ زاماننىڭ ئوقىدىن يارىلانغان بىر كىشى: ئادەم پۈتۈن ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىپ مىڭ يىل ياشىسىمۇ، ئېھتىياجى ھەرگىز تۈگەل بولمايدۇ. ئېھتىياجى تولۇق قانغان كۈنى ئۆمۈر تامامەن يوقىلىدۇ، دېگەنىكەن.
ئالىملىرى، تىلىم سۆزنى تۇتالماي كۆپ سۆزلەپ كەتتىم. سۆزۈم ئازلىمىدى، لېكىن قىممىتى كەملىدى بولغاي. سۆزنىڭ پايدىسى ئونى كۆپ سۆزلىۋېلىشتا ياكى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ كۆپ ئاڭلىتىشتا ئەمەس. سۆزنىڭ پايدىسى ئاڭلانغان سۆزنى كۆڭۈلدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىشتا.
ئودغۇرمىش سۆزىنى تۈگىتىپ، دۇئاغا قول كۆتۈردى:
— ئاللا ساڭا تەۋپىق بەرسۇن، قولۇڭنى نۇرغۇن ياخشى ئىشلارغا ئوزۇن قىلسۇن. تەڭرىم بارلىق تىلىكىڭگە يەتكۈزۈپ، سېنى ئامان-ئېسەن قويغۇسۇن.
ئودغۇرمىش دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن «ئالىملىرى، مېنىمۇ دۇئايىڭدا ئۇنتۇپ قالمىغايسەن» دەپ قوشۇپ قويدى.
ئودغۇرمىش ئورنىدىن تۇرۇپ قايتىشقا تەمشەلدى. كۈنتۇغدى ئەلىگ ئودغۇرمىشنىڭ قولىدىن تۇتۇپ:
— ئازراق ئولتۇرغىن، غەزا كەلتۈرسۇن، — دېدى. مۇلازىملار تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك ۋە غەزالارنى كەلتۈرۈپ داستىخانغا تىزىشتى.
— ھەي ياخشى كىشى، يېمەكلىكلەردىن ئازراق تېتىپ باققان، — دېدى كۈنتۇغدى ئەلىگ ئودغۇرمىشنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ.
ئودغۇرمىش تاماققا قول سۇنۇپ، ھەر خىل يېمەكلىكلەردىن ئازراق ئېغىز تەگكەن بولدى، كۆپ يېمىدى. ئاندىن تاماقتىن قولىنى تارتىپ، ئاللانىڭ نامىنى ئاتاپ شۈكۈر ئېيتتى.
ئودغۇرمىش قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇ ئەلىگكە
خوشلىشىش سالىمىنى قىلدى. ئىلىگمو جاۋابەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك تىلىدى. ئودغۇرمىش كۆنتۇغدى ئىلىگنىڭ ھوزۇرىدىن قايتىپ چىققاندا، كۆنتۇغدى ئىلىگ ئونىڭ كەينىدىن چىپىپ ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ ئىككىيلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. ئىلىگ زاھىتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ قىيىمىغان ھالدا قايغۇرۇپ خوشلاشتى. ئۆگدۈلمىش ئونىڭ قولىنى سۆيۈپ خېلى يەرگىچە بىللە ماڭدى. ئودغۇرمىش «بولدى، مۇشۇ يەردە قال» دەپ ئۆگدۈلمىشىنى قايتۇرۇۋەتتى. ئۆگدۈلمىش ئامانلىق تىلەپ قايتىپ كەلدى. ئودغۇرمىش ئۆدۈل ئۆزىنىڭ ماكانى تاغ غارىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
كۆڭلى يېرىم بولغان ئۆگدۈلمىش كۆزى كەينىدە ئۆيىگە كەلدى. ئونىڭ قەلبىنى ئېگىلىگەن غەم-قايغۇ كۆزىگە ئويقۇ كەلتۈرمىدى. شەرق تىن قۇياش باش كۆتۈرۈپ كۆكسىنى كەردى، دۇنيا يۈزى ئاق قۇ رەڭگىگە كىردى. جاھان پەرىشتە يۈزىدەك نۇرلاندى، ئاسمان يۈزى كاپۇر پۇركۈلگەندەك بولدى. ئۆگدۈلمىش يەنە تۆشەكتىن قوپسى، تەرەت ئېلىپ كۆڭلىنى دۇرۇس تۇتۇپ نامازنى ئادا قىلدى. نامازدىن كېيىن تونىنى كىيىپ، ئۆيدىن چىقىپ ئۆدۈل ئوردىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئېتتىن چۈشۈپ ئوردا غا كىردى. ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئونى يېنىغا چاقىرتتى. ئۆگدۈلمىش ئىلىگكە كۆرۈنۈش قىلدى. ئىلىگ ئاۋۋال ئودغۇرمىشنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقى ۋە قاچان كەتكەنلىكىنى سورىغاندىن كېيىن:
— ھەي ئۆگدۈلمىش، ئەمدى مېنىڭ يېگەن ئېشىم زەھەر بولىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن زادى قانداق ياشىشىم كېرەك؟! قەددىم پۈكۈلدى، دەس تۇرالمايمەن. بۇنداق ئەھۋالدا بەگ بولۇپ خەلقنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! قايغۇ-ئەندىشىلەر يۈرەك-باغرىمنى ئەزدى. ئەسكەر بىلەن خىزمەتچىلەر بولمىسا خەلقنى يېتەكلەپ ماڭغىلى بولمايدۇ. دۆلەت
ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىر بەگ ئىشلەپ بولالمايدۇ. ئەسكەر ۋە خىزمەتچىلەر ئۈچۈن يەنىلا ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنيا كېرەك. بولار بولمىسا ئەل ئەتراپىڭغا قانداق توپلانىسۇن؟! ھاياتنى بەگلىك ئىشىغا ئاتاپ، قوشۇنغا باشچىلىق قىلغان پاراسەت ئىگىلىرى شۇڭا: «خەزىنە، ئەسكەرلەر بەگلىكنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر، ئۇلار يېتەرلىك بولغاندىلا دۈشمەندىن ئىنتىقامنى ئالالايدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلەشكەندىلا بەگ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، تاجۇتەختى ئۇلۇغ بولىدۇ» دېگەن. يېتەرلىك ئەسكەر توپلاشقا يېتەرلىك مال-دۇنيا، ئالتۇن-كۈمۈش كېرەك. بۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە كۆپ مۇشەققەت چىكىشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭغۇ بىرلا ئوچام، بىرلا گېلىم بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ شۇنچىۋالا يۈكىنى بوينۇمغا ئارتۇۋالمەن؟! ئادەم ھەر قانچە كەڭبەغەل بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ كىم ئاچ قاپتۇ؟! ئۆلۈم ئاخىرى ھايات كېشىدىن ئۆچىنى ئالغان ئىكەن.
* * *
كۈنتۇغدى ئىلىگ تولىمۇ تەشۋىشلىقتا قالغان ئىدى. ئونىڭ ۋۇجۇد قەلبىنى نۇرغۇن چىگىش خىياللار تورى چىرمىۋالدى. ئۆگدۈلمىش كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ سۆزلىرىدىن تېڭىرقاش ۋە ئارسالدى بولۇش ئالامەتلىرىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئىلىگنى بۇ خىل مۇشكۈل روھىي ھالەتتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن پاراسەت دۇلدۇلىنى مىنىپ، دۆلەت باشقۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە مۇنداق چاپتۇردى.
322