تىزىملىك
تىل تاللاش:
4-قىسىم 32-باب كۈنتۇغدى (پادىشاھ) ئايتولدى (ۋەزىر) ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىلىككە ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەنلىكى

Ögdülmishning Ilikke Elni Idare Qilish Tedbiri Heqqide Meslihet Bergenliki

ئۆگدۈلمىش كۆنتۇغدى ئەلىگنىڭ روھى بېسىمىنى يېڭىلىتىش ئۈچۈن ئەلىنى ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ تەدبىرى ئۈستىدە مۇنداق مەسلىھەت بەردى:

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئەلىگگە تىلىنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەنلىكى

ئۆگدۈلمىش كۆنتۇغدى ئەلىگنىڭ روھى بېسىمىنى يېڭىلىتىش ئۈچۈن ئەلىنى ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ تەدبىرى ئۈستىدە مۇنداق مەسلىھەت بەردى:

— ئالىلىرى، تىلىڭدىن مۇنداق يارىماس، يامان سۆزلەرنى چىقارما، مۇنداق قىلىشنى ئاللا راۋا كۆرمەيدۇ. بۇ بەگلىكنى سەن ئۆزۈڭنىڭ خاھىشى بويىچە تارتىپ ئالمىدىڭ، ئاللا سېنى ئۆز پەزىلىتى بىلەن تاللاپ، ئەزىزلەپ بۇ بەگلىكنى ساڭا تاپشۇردى، بۇنىڭغا شۈكۈر قىل. دىلىڭنى تۈز، ئۆزۈڭنى پاك تۇتۇپ ئاللاغا سېغىن. خەلققە ئادىل ۋە مېھرىبان بول. ھاۋايى-ھەۋەسلىرىڭنى ئەقىل بىلەن يېڭىپ باسقىن. نەپسىڭنى چەك تۇتۇپ بىلىم بىلەن يانچىپ تاشلا. بىلىم بىلەن ھاۋا-نەپسنى باسقان كىشىنىڭ نېمە دەپ تەلىم بەرگەنلىكىنى ئاڭلا: ۋۇجۇدۇڭنىڭ ساغلام بولۇشىنى خالىساڭ ھەۋەسنىڭ بوينىنى كەس. ھاۋا-نەپسىڭ ئۆلسە ۋۇجۇدۇڭ ئەگرىلىكتىن خالاس بولىدۇ. ھاۋا ۋە ھەۋەسنىڭ ھەر ئىككىسى دىن ئۆغرۈسىدۇر، شۇڭا ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالمىغايسەن.

ھەي ئەلىگ، قولۇڭنى ھەر قانداق ياخشىلىققا سوزساڭ يېتىدۇ. يېتەرلىك خەزىنەڭ بار، قوشۇنۇڭ ۋە خىزمەتچىلىرىڭ نۇرغۇن. ھەممە ئىشقا يولباشچى بولالايدىغان بىلىمىڭ ۋە ئەقىل-ئىدراك كى بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمانچە

323

روھسىزلەنسەڭ، نېمىگە شۇنچىۋالا غەم قىلىپ ھاياتىڭنى ئاچچىق قىلىسەن؟ خەزىنەڭنى ئەسكەر-خادىملىرىڭغا ئۈلەشتۈرۈپ خۇرسەن قىل. قانداق ئارزۇ-ئىستىكىڭ بولسا ئۇلاردىن كۈت. ئالتۇن-كۈمۈش ئۈلەشتۈرۈپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن ئەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: «ھەر دائىم غالىب بولۇشنى خالىساڭ ئالتۇن-كۈمۈشنى كەڭرى تارقىتىپ، ئەسكەر-خىزمەتچىلىرىڭنى خۇشال قىل. باتۇرلارنى ماختاپ تارتۇقلا، شۇندىلا دۈشمىنىڭنىڭ بوينىنى ئېگەلەيسەن.» شۇنداق، ئەسكەر-خىزمەتچىلىرىڭگە ئالتۇن-كۈمۈش تارقىتىپ خۇشال قىلساڭ، ۋاقتى كەلگەندە سەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك جېنىنى پىدا قىلىدۇ. كاپىر دۈشمەننى يوقىتىشتا ئۈچۈن پاك ئاللا ساڭا مەدەتكار ۋە يۆلەنچۈكتۇر. قوشۇن، ئەسكەر، خىزمەتچىلىرىنى توپلاپ، قورال-ياراغ ھازىرلاپ، كاپىر دۈشمەننى يانچىپ تاشلا. كاپىرلار بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلسە ئۆلۈم ھېسابلانمايدۇ، كاپىرلارنىڭ ئۆي-مۈلكىنى كۆيدۈرۈپ، بۈتلىرىنى چاق. ئورنىغا جامائەت-مەسچىت بىنا قىل. ئوغۇللىرىنى قۇل، قىزلىرىنى چۆرە قىل. ئولجا ئالغان غەنىيمەتلەر بىلەن خەزىنەڭنى تولدۇر. شەرىئەتنى تەرغىب قىلىپ، مۇسۇلمانلىقنى يولغا قوي. شۇنداق قىلساڭ ئۇلۇغ ئاتىلىپ، ياخشى نام قازىنىسەن. ھەرگىز مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەشمە، ئۇلارغا قول تەگكۈزمە، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇر. مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداش، قېرىنداشلار بىلەن قارشىلاشما، دائىم ياخشى مۇناسىۋەتتە ئۆت. قانۇن بىلەن خەلقىڭنى خاتىرجەم قىل، خەلقىڭ ساڭا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلسۇن. ھەي قەھرىمان، شۇنداق قىلساڭ خۇدا ساڭا ئەجرىڭنى بېرىدۇ. ئىككىلا دۇنياغا قادىر بولالايسەن.

— بۇ سۆزلەرنى ناھايىتى ياخشى دېدىڭ، — دېدى كۈنتۇغدى ئېلىگ، — ئۆزۈممۇ شۇنداق قىلىش نىيىتىدىمەن. بۇ ئىشلارنى

قىلىشىمدا ماڭا يار-يۆلەك بولىدىغان دوستۇم قېنى؟ سەن بۇ ئىشلاردا ماڭا مەدەتكار بول. ئالدى بىلەن ئىچكى-تاشقى ئىشلارنىڭ تەدبىرىنى ئوبدان تۈزۈپ، خەلقنى پاك قىلىپ، ئەلنى روناق تاپقۇزۇش لازىم. كۆيۈنگەنلەرگە ئېنئام بېرىپ خۇرسەن قىلىش، ساداقەتسىزلەرنى سۈرۈپ ھەيدەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىچكى-تاشقى مەيخانىلارنى يىقىش بىلەن ئەلنى تۈزەش لازىم. خەلقنى قانۇن بىلەن تولۇق تۈزۈگۈلۈك، ئەلنى يارامسىز ئىشلاردىن تازىلىغۇلۇق ئىدى. ئىش ئۈستىگە ئىش توپلىنىپ يېتىشەلمەي قالدىم. قېنى ئەل خاتىرجەملىكى ۋە پاراۋانلىقى؟ بۇنداق تۇرسا قانداقمۇ كۆزۈم يۇمۇلسۇن؟

— ئالىبىلىرى، ئىشلىرىڭنى ئۆنچە سوزغۇلۇق ئەمەس. قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشلارنى قىلىش كېرەك. ئىشلىرىڭنى سوزماي ۋاقتىدا قىل. ئۆمرۈڭمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، قىلىدىغان ئىشلىرىڭنى نېمىشقا ئارقىغا سۈرىسەن؟ بۈگۈنكى ئىشنى قويۇپ ئەتە قىلىمەن دېمە. بۈگۈنكى ئىشلار بۈگۈن قىلىنمىسا، ئەتەكى ئىشقىمۇ قوشۇلۇپ، ئىش ئۈستىگە ئىش توپلىنىپ قالىدۇ. ئەتە يەنە باشقا ئىش چىقسا، ئۇ ئىش قىلىنماي قالىدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەل ئىشلىرىنى تۈزەپ، ئەل ئارىسىنى سۆزۈپ تۇرساق، كەلگۈسىدە ئۆزۈڭمۇ ئەل بىلەن بىرگە ھۇزۇرنى سۈرىسەن. يامان بولما، يامانغا يامان بولۇپ ئەسكىلەرنى ئېلىڭدىن تازىلا. دۇرۇس بول، ئىشلىرىڭنى دۇرۇس قىل، خۇلۇقۇڭنى دۇرۇس تۇت. شۇندىلا ئەسكىلەر بويسۇنۇپ، يامان قىلىقلاردىن يانىدۇ. خاتا ئىش قىلىدىغان تەتۈر كىشىلەرنىڭ يامانلىقى چەكلىنىمىگۈچە، ئۇلار ئىشلىرىنى ئوڭشالمايدۇ. يامانلارنى يېنىڭغا يولاتما، ياخشىلار بىلەن سەگەك ياشىغىن. كۆڭلى تۈز، تىلى ۋە ھەرىكىتى بىردەك ئەر بىر كىشىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا: توغرا يولدا ماڭ، يامانلارغا ئارلاشما. ئەگرى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا دۇرۇس كىشىنىڭ يولى تار بولىدۇ. كىم يامانلىق

325

قىلسا جازاسىنى تارتىدۇ. قىيامەت كۈنى ياخشىلارغا ھەمراھ بولغىن.

ھەي ئىلىك، ئەلنى تۈزەشتە ئەسكەر توپلاشتىن باشقا چارە يوق. بەگلەر ئەلدىكى بولغۇنچىلارنى ئەسكەرلەرگە تايىنىپ تازىلايدۇ. ئەسكەر، خادىملارنى توپلاپ ئىناملار بېرىش، كەمبەغەللەرنى بېيىتىپ، ئاچلارنى تويغۇزۇش كېرەك.

خىزمەتچىلىرىڭ سەندىن ھەر خىل ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ قالسا تۇرماي كېتىدۇ. خىزمەتچى مۇنداق بىر قانچە خىل بولىدۇ. ئۇلارنى يولدىن ئاداشمىسۇن دېسەڭ، ئوبدان چۈشىنىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ پەرىقلىق مۇناسىۋەتتە بول. ئۇلارنىڭ بىر خىلى، يۈز-ئابروي تىلەيدۇ. ئۇنداقلارنىڭ ئابرۇيىنى كۆتۈرۈپ قوي، ئارزۇسى قانسۇن. يەنە بىر تۈردىكىلىرى مال-دۇنيا تەمەسىدە يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىكىنى قاندۇرساق سەن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا يارايدۇ. يەنە بىر خىلى مال-دۇنيا ھەم شۆھرەت قوغلىشىدۇ. شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن ئات، تون تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ باتۇر، مەردانە بولسا ئۆزۈڭدىن كۈمۈشنى ئايىما، ئۇ سەن ئۈچۈن قىلىچ ئوينىتىپ، شەھەر-قەلئەلەرنىڭ ئىشىكىنى ئاچسۇن، ئەگەر بىلىملىك، ئەقىللىق، دانا كىشى بولسا ئۇنى قەدىرلەپ ياردەم قولۇڭنى سۇنۇپ، مال-دۇنيا بىلەن يۆلە. زوراۋان ئەسكەرنى ھەرگىز ئۆستۈرمە، ھوقۇق بەرمە، بولمىسا ئۆزۈڭنى قاقشىتىدۇ. يامان ئۆكتەملەرنى بېيىتما ھەم ئۆستۈرمە. شۈبھىسىزكى، ئۇ شىپالىق دورىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدۇ. بۆكە يابغۇسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا، ئۇ: «ئاجىز خەلقمۇ بېيىۋالسا بويسۇنمايدۇ. ھەي جەسۇر ھۆكۈمدار، ياماننى بېيىتما، يامانلار بېيىسا يامان قىلىقنى چىقىرىدۇ» دېگەن. ياخشىلارنىڭمۇ قولى قىسقا بولۇپ قالسا خۇيىنى بۇزىدۇ. ياخشى خۇلقلۇق كىشى مۇھتاجلىققا چۈشۈپ قالسا، مۇھتاجلىق ئۇلارنىڭمۇ خۇيىنى بۇزىدۇ. يامانلارنى

خار تۇتساڭ ھەركىمى تۈزۈلىدۇ. ياخشىلارنى ئەزىزلىسەڭ ئۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ساداقەتمەن كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، ئۆياتسىز كىشىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزۈڭدىن يىراق تۇت. كىمنىڭ پايدىلىق، كىمنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان پەرقلىندۈرۈپ مۇئامىلە قىل. سېنى سۆيىدىغان، سۆيىمەيدىغانلارنىمۇ ياخشى ئايرىپ، سۆيگەنلەرگە دوست بول، دۈشمەنلەرگە ئوت بول. پايدىنى خالىمايدىغانلارنى ئۆزۈڭدىن يىراق قىل. ئۇنى سۆيۈندۈرمە، ئۇنداقلارغا ئىش تاپشۇرما. ساداقەتنى خىيانەت بىلەن ئارىلاشتۇرما، ياراملىقنى يارامسىز بىلەن بىللە تۇتما. بىر ئىشنى ئىككى ئادەمگە تاپشۇرما، بولمىسا ئۇلار بىر-بىرىگە بەس سېلىشىپ، ئىشىڭ ئورۇندالماي قالىدۇ. ئىشىڭنى شۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلارغا تاپشۇر، ئىش بىلمەيدىغانلار گوشىيىپ ئىشىڭنى ئاقسىتىدۇ. مۇھىم ئىشلارنى كۆرگەنلا كىشىگە بەرمە، شۇ ئىشنى قىلىپ نەتىجە كۆرسىتەلەيدىغانلارغا تاپشۇر. ئەلنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇت. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە كۆز تىكىپ ئۇنىڭغا ئىلىنىپ قالما. ھەرگىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە بېقىپ ئىش تۇتۇپ، ئۆزۈڭنى زورىمۇزور بوزما. ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدى بىلەن ئويلا. ھەر كىم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ. ساڭا كىم ئەسقاتىدىكەن، سەن مۇ ئۇنىڭغا ئەسقات، پايدىسى يوق كىشىلەردىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇر. پايدىلىق كىشىلەرنى قەدىرلە، ھۆرمەت قىل، مۇھىم ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇر. ئالىيلىرى، سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلىرىڭنىڭ بىرى شۇلاردۇر. بۇ ئىشلارنى ياخشى ئورۇندىيالىساڭ ئېلىڭنى تۈزىيەلىيسەن، نامىڭمۇ ياخشى بولۇپ، ئۆزۈڭ قۇتۇلىسەن، نام-شەرىپىڭ ۋە سۆزۈڭ مەڭگۈ يادلىنىپ قالىدۇ، سەلتىنىتىڭ گۈللىنىپ خەلقىڭ بېيىيدۇ، ئاندىن قانچىلىك خەزىنە توپلىساڭ بولىدۇ. سەمىمىيلىكى سۆزۈڭ بىلەن

327

بېرىككەن بىر مېھرىبان كىشى: قايسى ئەلنىڭ بېگى ياخشى، دۇرۇس بولسا، شۇ ئەل بېيىپ، خەلقنىڭ كۈنى توغىدۇ. خەلقنىڭ بايلىقى بەگنىڭمۇ بايلىقىدۇر، بەگ قايسىنى خالىسا شۇنى ئالالايدۇ، دېگەن.

يەنە بىر مۇھىم ئىش، شەھەر-كەنتلەرنى ئوغرىلاردىن تازىلاپ، مۇساپىر، كارۋانلارنى يولدا تىنچ-ئامان يۈرىدىغان قىل. ئەل ئىچىدە خەلقنىڭ زورىۋانلىرىنى يوقات، سىرتتىكى بارلىق قاراقچىلارنى تازىلا، ئەسكەرلىرىڭنىڭ خۇيىنى جازا بىلەن تۈزەت. يامانلارغا پەقەت يامانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش يارىشىدۇ. ياخشىلارنىڭ ئەركىن-ئازادە يۈرۈشى ئۈچۈن يامانلارنى تاش يۈرەكلىك بىلەن زەنجىردە ياكى زىنداندا تۇتۇش كېرەك.

يۇقىرىقى ئىشلاردىن باشقا، ئېلىڭدىكى خەلق بىر نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ. يوللۇق بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ ئوبدان پەرقلەندۈرۈپ، ئايرىم مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى بىلىملىك ئالىملاردۇر، كىشىلەر بەخت-دۆلەتكە ئالىملار ئارقىلىق ئېرىشەلەيدۇ. شەرىئەت يولىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى قەدىرلە. نېمە تەلەپ قىلسا شۇنى قىلىپ بەر، رەت قىلما، ئۇلارغا ئېگىل. ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، ھەققىنى ئۆكسۈتمەي بېرىپ تۇر، موھتاجلىققا چۈشۈپ قالمىسۇن. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى توختىتىپ بىلىم ئۆگىتىشكە ئىمكانىيەت يارات، بىلىمسىزلەر ئۇلاردىن بىلىم ئالسۇن. بولاردىن كېيىن مۇھتەسىپلەر① تۇرىدۇ. ئۇلارغا كۈچلۈك ھوقۇق بەر. پاسىق، بىكارچى بەگىزادىلەرنى قىسىپ تۇتسۇن، مەسچىت-جامائەتلەرنى تولۇقلىسۇن. يەنە بىر تەرەپكە خىزمەتچىلەردۇر. ئۇلارغا ئاگاھ بولۇپ قاتتىق تۇتمىساڭ توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇلار سېنىڭ ئېغىرىڭنى كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈك، مۇشەققەتنى ئۆزۈڭنىڭ كۆتۈرۈشۈڭگە توغرا كېلىدۇ. بولاردىن

كېيىن قارساق ئاۋام خەلق تۇرىدۇ. قانۇن بىلەن ئۇلارنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىل. زۇلۇم قىلما، زۇلۇم قىلساڭ ئەلگە جۈت ئېلىپ كېلىسەن. ئاۋام خەلقمۇ ئۈچ تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ. بولارنىمۇ ئوبدان ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولارنىڭ بىرى بايلاردۇر. خەلقنىڭ كۈچلۈكى شۇلار. ئۇلاردىن كېيىن ئوتتۇرا ھال كىشىلەر تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ھال كىشىلەر بايلار قىلغان ئىشنى قىلالمايدۇ. ئۇلاردىن كېيىنكىسى كەمبەغەللەردۇر. ئەي ئايتولدى ئۇلارنى ئوبدان ئاسراش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بايلارنىڭ يۈكىنى ئوتتۇرا ھال كىشىلەرگە يۈكلىمە، ئۇنداق قىلساڭ ئۇلار ھالدىن كېتىپ پۈتۈنلەي خارابلىشىدۇ. كەمبەغەللەرگە ئوتتۇرا ھال كىشىلەرنىڭ يۈكىنى ئارتما، ئۇنداق قىلساڭ كەمبەغەل ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ، يىلتىزى قۇرايدۇ. كەمبەغەلنى ئازراق يۆلىسەڭ ئوتتۇرا ھال بولۇۋالىدۇ. ئوتتۇرا ھال كىشىلەرگە بىرئاز تىنچلىق پۇرسىتى بەرسەڭ باي بولىدۇ. كەمبەغەللەر ئوتتۇرا ھال بولۇۋالسا، ئوتتۇرا ھال كىشىلەر بېيىسا، ئېلىڭدە بايلار كۆپىيىدۇ. ئېلىڭ ئوڭشىلىپ، خەلقىڭ ھۇزۇرغا چۆمىدۇ. ئۈچ ئوردا خانىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سال، ئۇ: ھەي ئۆلگۈچى، نامىڭنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىزدەگىن. كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ نامى داۋاملىق دۇئا بىلەن يادلىنىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن كىم دائىم دۇئا بىلەن ياد ئېتىلسە، ئۇ قايتا تۇغۇلۇپ، يېڭىدىن ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ، دېگەن. يەر ئۈستىدە ياشا ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، نامىڭ ياخشىلىق بىلەن مەشھۇر بولسا ئۆزۈڭگە بولىدۇ. ئۆزۈڭ ئۆلسەڭمۇ نامىڭ ياخشى بولسۇن. ئۆزى ئۆلۈپ، ياخشى نامى قالسا مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

رەئىيىتىڭنىڭ سەندە ئۈچ ھەققى بار، بۇ ھەقنى ئادا قىل، زۇلۇم قىلما. بىرى، ئېلىڭدە كۆمۈشنى جىك قىل، ھەر دائىم ئۇنىڭ تەركىبىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇر. يەنە بىرى، خەلقىڭگە ئادىل قانۇن يۈرگۈز. كۆزىتىپ بىرىنىڭ يەنە بىرىگە

329

زۇلۇم قىلىشنى چەكلە. ئۈچىنچىسى، قاراقچى، بۇلاڭچىلارنى پاكپاكىز تازىلاپ، بارلىق يوللارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدا. شۇندىلا رەئىيەتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىسەن، ئاندىن سەنمۇ رەئىيەتتىن ئۆز ھەققىڭنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ. سېنىڭمۇ رەئىيەتتە مۇنداق ئۈچ ھەققىڭ بار. ياخشىراق ئاڭلاپ تۇرغىن، بۇلارنىمۇ ئۇلاردىن تەلەپ قىلىشقا ھەقلىقسەن. بىرى، يارلىقىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، نېمىگە ئەمىر قىلغان بولساڭ، دەرھال ئۇنى ئىجرا قىلسۇن. ئىككىنچى، خەزىنە ھەققىنى تۇتۇپ قالماي ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرسۇن. ئۈچىنچى، سەن كىمنى ياخشى كۆرسەڭ ئۇلارمۇ ئۇنى ھىمايە قىلسۇن. كىمگە دۈشمەن بولساڭ ئۇلارمۇ ئۇنى دۈشمەن تۇتسۇن. شۇنداق بولغاندا سەنمۇ ئۆز ھەققىڭنى ئالغان بولىسەن، ئۇلارمۇ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. بەگ بولغۇچى ئۆز ئىشلىرىنى ئەنە شۇنداق يۈرگۈزۈشى، رەئىيەتمۇ شۇنداق بولۇشى لازىم. خەلق بەگنىڭ خەيرىخاھلىقىغا ئېرىشسە، بەگىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ، شۆھرىتى ئاشىدۇ. ئالىبىلىرى، مانا بۇ ساڭا ئىككىلا دۇنيادا مۇيەسسەر بولىدىغان بەخت يولۇدۇر.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، مۆھتەسپلەر جامائەت ئارىسىنى كېزىپ يامانلارنى يىغسۇن. ئالىملار دەرس بېرىپ خەلققە بىلىم بەرسۇن ھەم نازارەتچىلىك رولىنى ئۆتۈسۇن. سودىگەرلەر ئامانەتلىرىنى ياخشى كۆزەتسۇن. ھۆنەرۋەنلەر شاگىرتلىرىغا تەربىيە قىلىپ تۇرسۇن. دېھقانلار ماھىرلىق بىلەن تېرىقچىلىق قىلسۇن. چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى كۆپەيتسۇن. ئەمدى ساڭا خىزمەت قىلغۇچى ئەسكەر، خادىملىرىڭ قالدى، ئۇلار دۈشمەن بۆرىلەرگە قارشى قويۇلغۇچىلاردۇر. ئۇلارغا مال ھەدىيە قىلىپ خۇشال قىل، ئۇلارنى باشقا ئىشلارغا سېلىپ بەند قىلما. ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە يارىشا ئېھسانلار قىل، مال-دۇنيا بىلەن كۈچىنى زورايت، دۈشمەنگە قارشى تەييارلىق كۆرسۇن. دوستلىرىڭغا ھەمدەم بولۇپ، دۈشمەنلىرىڭگە ئۆلۈم بۇيرۇسۇن. شۇ چاغدىلا

بارلىق دوستلىرىڭ تاللىنىپ، ئىشلىرىڭ راۋانلىشىپ روناق تاپىدۇ. ئىككىلا دۇنيادىكى ياخشىلىق ساڭا مۇناسىپ بولۇپ، ئاللانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن. قارىغىنا، توغرا، ئادىل بولساڭ سېنى تىلىكىڭگە يەتكۈزىدىغان ئادالەت دېگەن شۇ. دۇرۇسلۇقۇڭ ئۈچۈن ئاللامۇ سېنى ئۆزىگە يېقىن كۆرىدۇ. خەلققە ئۆچمەنلىك قىلما، ئادالەتنى تاشلىما. ئاڭلا، كۆڭلى ئويغاق بىرلىرىنىڭ ئېيتقان مۇنۇ سۆزى دېگەنلىرىمگە گۇۋاھ بولالايدۇ: ئاسمان توغرىلىقى ئۈچۈن مەزمۇت تۇرالايدۇ، يەر تەۋرىمەي تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئوت-چۆپ ئۈنەلەيدۇ. تەۋرىمەي دۇرۇس تۇر، تىلىكىڭنى ھەم دۇرۇس قىل. دۇرۇس ئادەم ئىككىلا دۇنيادا سائادەتمەن بولىدۇ.

ئېلىك ئالىملىرى، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم مانا شۇ، ئىچىم ۋە تېشىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ئايان قىلدىم. بۇ ئىككىلا دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق سۆزلەر ئىدى، ساڭا تولۇق ئېيتىپ بەردىم. بۇ دۇنيانىڭ ھەممە نېرسىسى قالىدۇ. ئۆزۈڭ بۇ دۇنيادىن كەتسەڭمۇ، نامىڭ مەڭگۈ قالغۇسى. بۇنىڭغا مۇنداق بىر ئالىم مۇ مۇنداق يەشكەن: ئۆزۈم ئۆلسەممۇ نامىم ياخشى بولسۇن. تىرىك بېرىبىر ئۆلىدىكەن، نامىم قالسا بولدى. تىرىشىپ ياخشىلىق قىلىپ ياخشى نام ئىزدەي، ياخشى نام بىلەن مەڭگۈ تىرىك قالاي.

* * *

كۈنتۇغدى ئېلىك ئۆگدۈلمىش ئېيتقان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق سۈيۈندى. كۆڭلى ئېچىلىپ، كۆزى يورۇدى. ئۇ ئۆگدۈلمىشنى ماختاپ ئالقىشلىدى ۋە مۇنداق دېدى: — ناھايىتى ياخشى سۆزلەرنى قىلدىڭ. خۇدا ماڭا تەپىق بەرسە، سەن ئېيتقان سۆزلەر بويىچە ئىش تۇتاي. رەببىم ماڭا سەندەك ياراملىق ياردەمچىنى ئاتا قىلدى. يەنە تىلىسەم تىلىكىمنى

331

بېرەر دېگەن ئۈمىدتىمەن. ەەي ياراملىق دانىشمەن، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئارزۇ-ئارمانلارنى تولۇق بايان قىلدىڭ، ئاللا مەقسەتلىرىڭگە تولۇق يەتكۈزسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن ساداقىتىڭ بىلەن ماڭا ەەم دەم ياردەم قىلىپ تۇرغىن. سۆزلىرىڭنى مەندىن يوشۇرما، مەن سېنىڭ ەەقىقىي ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن. سەن ئەينەك، مەن ئەمەدى سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەيىبلىرىنى كۆردۈم. ەەقىقىي كۆڭۈل بەرگەن تىلى ۋە دىلى بىر ئەر: «كۆڭلۈڭ كىمگە چېمىپۆتسە ئونى ئەينەك قىلىپ، ئۆزۈڭنى كۆرۈش ئۈچۈن ئونى ئۆدۈل تۇت. كۆيۈمچان ئادەم ئۆزۈڭگە ئەينەك بولىدۇ. ئۇنىڭغا قاراپ خۇلق-مىجەزىڭدىكى نۇقسانلارنى تۈزەتكىلى بولىدۇ» دەپ ئەجەب ياخشى ئېيتىقان ئىكەن. بىرىسنىڭ كۆڭلى ساڭا ەەقىقىي يېقىن بولسا، ئونىڭ ئۆزۈڭگە بولغان ئېقىدىسىدىن ەەرگىز گۇمانلانما. گېپىڭ بولسا ساڭا ئىشەنگەنگە ئېيتىقن، ئۆزۈڭ ئىشەنگەن كىشىنىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتقۇلۇق. ئېلىگ ھاياجان ئىچىدە گېپىنى توختاتتى. ئېلىگنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆگدۈلمىشنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇ سۆيۈنۈپ «ئەلىل» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېلىگنىڭ ھۇزۇرىدىن قايتىپ چىقتى.

شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن ئېلىگ راھەتنى تاشلاپ، ئەلنى تۈزەپ، تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مۇشەققەت چەكتى. يامانلارنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ياخشىلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، ئۇلارغا يول ئېچىپ بەردى. خەلق تەرتىپكە چۈشۈپ، ئەل ئىچى پاكلاشتى. كۈن، ئاي، يىللار تىنچلىقتا ئۆتۈپ، خاتىرجەملىك ھۆكۈم سۈردى. پاراۋانلىق بىلەن ئېلىگنىڭ ھاياتى مەنلىك بولدى. ھالاوەتتىن شادلانغان خەلق دەۋردىن سۆيۈنۈپ كۈلۈشتى. ئېلىگىمۇ ئۆگدۈلمىشنى ئەزىزلەپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، دۆلەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى تاپشۇردى.

332


ئۆگدۈلمىش دۆلەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بىر قانچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى. لېكىن، قەلبىدىكى قايغۇ-ئەلەم بىئارام قىلىپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ھاياتلىقنى، ياخشىلىقنى زايە قىلىۋاتىمەن، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ قەلبى يورۇپ، كۆزى ئېچىلغانىدى. ئەمدى ئۇ دائىم كۆڭلىنى بۇ دۇنيانىڭ غۇبارلىرىدىن پۈتۈنلەي پاك قىلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.

ئاۋازلىق كىتاب
32-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ ئىلىككە ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەنلىكى (پەلسەپىۋى رومان)
100%
00:00 --:--