نەزمىي يەشمىسى:
ئەقىللىك، دۇرۇس ھەم سىلىق سۆز - تىلى،
دۇرۇس ھەم تولۇقتۇر ئۇنىڭ يېڭىلى.
He bridled his passions with reason, and alloweth not base desires to command his soul.
Akıllı doğrudur, dili ve sözü yumuşaktır, hareketinin esâsı doğruluk üzerine kurulmuştur.
نەسرىي يەشمىسى:
ئىدراكلىق توغرا، سۆزدە مۇلايىم بولىدۇ، 1850. ئۆگدۈلمىش جاۋاب بېرىپ دېدى: ئىدراكنىڭ قىلمىشى توغرا، شادلىقى كۆپتۇر. 1851. ھۆسنى چىرايى كۆركەم ۋە يېشى كىچىك، ئۇ بارلىق ياخشىلىققا ئۆتكەلدۈر. 1852. ئۇ تەمكىن، خۇش يېئىل ۋە مۇلايىم جىمى جانلىقلارغا رەھىمدىلدۈر. 1853. ئۇ قاياققا قول ئۇزارتسا ئىش راۋاج تاپىدۇ، سۆزى قەيەرگە يەتسە ئېتىبارلىق بولىدۇ. 1854. قارا، ئۇنىڭ چىرايى ئىللىق، ھەممىگە يېقىملىق، كىشىلەرگە ئۇنىڭدىن پايدا تېگىدۇ. 1855. كۆزى ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ھەرقانداق ئىشنى پۇختا قەدەم بىلەن قىلىدۇ. 1856. ھەرقانداق بۇزۇلغان ئىشنى ئوڭشايدۇ، ھەرقانداق چىگىش تۈگۈنىمۇ يېشىدۇ. 1857. ھەر ئىشنى سولدىن، ئوڭدىن، ئالدىدىن ۋە ئارقىدىن كۆزىتىدۇ، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتىنى ۋە چارىسىنى بىلىدۇ. 1858. قاچقانغا يېتىشىدۇ، ئۇچقاننى تۇتىدۇ، سۇنغاننى ئۇلايدۇ، بۇزۇلغاننى تۈزەيدۇ. 1859. ئەقىل ئىدراكسىزلار ئۆكۈنۈپ دەيدۇكى: ئەي ئەقىل، سەن بولمىساڭ ھەسرەت چېكىمەن، ئۆكۈنىمەن. 1860. سەندىن ماڭا بىر ئۈلۈش تەگمىدى، سېنىڭسىز كىشىنىڭ كۆڭلى گويا ئۆلۈكتۇر. 1861. قارا، ئەقىل ئىدراك بىر مەشئەل، قارىغۇغا كۆز، ئۇ، ئۆلۈك تەنگە جان، كېكەچ تىلغا سۆزدۈر. 1862. ئەقىللىق ئەقلىگە دەيدۇكى، ئەي دوستۇم، ئىشىمنى ئوڭشايدىغان بەك ياخشى دوست سەن. 1863. ئىدراك دائىم ئوڭ ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭ سولى يوق، ئۇ چىن ۋە ئىشەنچلىك، ھېچبىر ھىيلىسى يوق. 1864. كىمدە ئىدراك بارلىقىنىڭ بەلگىسى ئەنە شۇ، بۇ بەلگە بىلەن ئەقىل ئىدراكنى بىلگىلى بولىدۇ. 1865. ھەممىدىن ئاۋۋال، ئىدراكنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولىدۇ، ئايلار، يىللار ئۆتسىمۇ توغرا يولدىن تايىمايدۇ. 1866. ئىدراكلىق توغرا، سۆزدە مۇلايىم بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرى ئىشەنچلىكتۇر.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئۇقۇشلۇغ كۆنى ھەم سىلىگ تىل سۆزى بۈتۈنلۈك بىلە بولدى قىلقى تۆزى
Ukuşluğ köni hem silig til sözi, bütünlük bile boldı kılkı tözi
سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Akıllı doğrudur, dili ve sözü yumuşaktır, hareketinin esâsı doğruluk üzerine kurulmuştur.
🇬🇧 EN He bridled his passions with reason, and alloweth not base desires to command his soul.