نەزمىي يەشمىسى:
ئەي ماھىر كىشى سەن يۈر تەنھا بولۇپ،
تۇتى سۆز ئۆگەندى ئۇ يالغۇز يۈرۈپ.
''Walk solitary, free from comrade's yoke; Behold the parrot: all alone it spoke!''
Ey insanların mahiri, tek başına ve arkadaşsız yürü, bak, papağan konuşmağı ve söz söylemeği kendi başına elde etti.
نەسرىي يەشمىسى:
”ئەي ماھىر ئىنسان، يالغۇز، يولداشسىز يۈرگىن، تۈتىمۇ يالغۇز يۈرۈپ ، تىل ۋە سۆزنى ئۆگەندى. 3343. تەقۋادار كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا: دىن ئىشى ھاۋايى ھەۋەس بىلەن بىللە بولالمايدۇ. 3344. قارا، ھاۋايى ھەۋەس بىلەن نەپس چوڭ دۈشمەندۇر، بۇ ئىككىسى ئىبادەت قىلغۇچى قۇلنى يولدىن ئازدۇرىدۇ. 3345. ھاۋايى ھەۋەسكە يول قويسا، كىشى تۇتقۇن بولىدۇ، ۋۇجۇدۇم ئارزۇسىغا يەتسە، ئۇ مېنى قۇل قىلىدۇ. 3346. ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلمە، ئۇنى ئەقىل بىلەن رەت قىل، ۋۇجۇدۇڭ باش كۆتۈرۈپ چىقسا، بىلىم بىلەن باس. 3347. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن مەن شەھەر كەنتنى تاشلاپ، ئېغىر مۇشەققەت چەكسەممۇ بۇ يەرگە جايلاشتىم. 3348. ئەگەر كىشىلەر ئارىسىدىن چەتلەشكەن بولسام، قۇرۇق سۆزلەۋاتقىنىم، ياكى ئەيىبلەۋاتقىنىم يوق. 3349. ئەي قېرىنداش، نېمىشقا يالغۇز تۇرسەن، دېدىڭ، ئەي دوستۇم، خۇدانىڭ يادى مەن ئۈچۈن ھەمراھ. 3350. يېقىن قوۋم قېرىنداشلىرىمدىن يىراق بولغىنىمنىڭ سەۋەبى ئۇلارغا ئاچ توقۇمنى يۈكلىمەسلىك ئىدى . 3351. خەلقنىڭ كۆڭلى نازۇك، ئۇنى ئاسراش قىيىن، كۆڭلى سۇنسا، ئۇنىڭغا قارشى خۇدانىڭ ئەدلى كۇپايە. 3352. مەندىن خەلققە ھېچ پايدا يەتمىگەن بولسىمۇ، مەندىن زىيانمۇ كۆرمەيدۇ. 3353. پايدا زىيان، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەممىسى خۇدادىن بولىدۇ، بۇ ئاللانىڭ تەقدىرىدۇر. 3354. قارا، ئەرشتىن تارتىپ، تۆۋەن تەھتساراغچە ھەممىسى بىردەك خۇداغا موھتاجدۇر. 3355. ئەي مەشھۇر، كىشىلەر ئارىسىدا نېمىلەر بار؟ پايدىمۇ، زىيان زەرەرمۇ، ھەممىسى ماڭا ئايان. 3356. ئىبادەتنىڭ نېمە پايدىسى بار، دەپ سورايسەن، ئىبادەت قۇللۇق قىلماقتۇر. ئۇ قۇلغا ئىشىك ئاچىدۇ. 3357. قۇل دېگەن ئات شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇلغا ئاتاق بولدىكى، ئۇ كېچە كۈندۈز تاغلارغا چىقىپ ئىبادەت قىلىدۇ. 3358. قادىر خۇدا خۇش كۆرسىمۇ، خۇش كۆرمىسىمۇ، ئىبادەت دېگەن سۆز تىلدىن چۈشمەسلىكى كېرەك. 3359. بۇ يالغۇزلۇقمۇنىڭ ماڭا زىيىنى يوق، ۋۇجۇدۇم ۋە دىنىمنىڭ ئېسەنلىكىنى شۇ يەردىلا تاپتىم. 3360. بۇ بېيىت ئېيتقۇچى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا، سىرتىغا قارىماي، ئىچىدىكى مەنىسىگە نەزەر سال: 3361. ”ئەي ماھىر ئىنسان، يالغۇز، يولداشسىز يۈرگىن، تۈتىمۇ يالغۇز يۈرۈپ ، تىل ۋە سۆزنى ئۆگەندى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
يورى يالڭۇز ئىشسىز ئاي يالڭۇق ئۇزى تۇتى قىلدى يالڭۇز تىلى كۆر سۆزى
Yorı yalñuz işsiz ay yalñuk uzı, tutı kıldı yalñuz tili kör sözi
سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Ey insanların mahiri, tek başına ve arkadaşsız yürü, bak, papağan konuşmağı ve söz söylemeği kendi başına elde etti.
🇬🇧 EN ''Walk solitary, free from comrade's yoke;
Behold the parrot: all alone it spoke!''