نەزمىي يەشمىسى:
ئەگەر ئۇ تىلىسە سۇنار مالغا قول،
تىلىسە جېنىڭغا قىلار قەستنى ئول.
If he so wills, he takes thy property; Or drains the marrow of thy vitality.
O isterse, senin malına el uzatır, isterse, canını ilik ile besler.
نەسرىي يەشمىسى:
دۈشمەننى سىناپ كۆرىمەن دېمە، ئۇنى زور، ھەيۋەتلىك بىل، تاياق تۇتقان دۈشمەنگە تۆمۈر قالقان ئىشلەت.“ 4264. دوست بۇرادەرلىرىڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈر، كۆڭلىنى ئايا، سۆزۈمنى ئۇنتۇما، بۇنى دائىم كۆز ئالدىڭدا تۇت. 4265. دوستۇڭ دۈشمەن بولۇپ قالسا، جېنىڭغا قەست قىلىدۇ، ياكى تېرىپ توپلىغان مال دۇنيالىرىڭغا قەست قىلىدۇ . 4266. چۈنكى دوستۇڭ ئىچ تېشىڭنى بىلىدۇ، ئىچ تېشىڭنى بىلگەن كىشى نەرسەڭنى ئالىدۇ. 4267. خالىسا، مال دۇنيالىرىڭغا قول تەگكۈزىدۇ، خالىسا، جېنىڭغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، يىلىكىڭنى شورايدۇ .
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
تىلەسە نەڭىڭە تەگۈرگەي ئەلىگ تىلەسە جانىڭقا يەتۈرگەي يىلىگ
Tilese neñiñe tegürgey elig, tilese cânıñka yetürgey yilig
سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR O isterse, senin malına el uzatır, isterse, canını ilik ile besler.
🇬🇧 EN If he so wills, he takes thy property;
Or drains the marrow of thy vitality.