نەزمىي يەشمىسى:
بۇلاندى، تالاندى مۇسۇلمان مېلى،
قېنى ئەر، ھارامنى بىلىپ يەتكىلى.
Kapuş karma boldı müsülmân neñi, kanı adra tutğan harâmığ öñi
(Karakhanid transcription · English translation in progress)Müslümanların malı çalındı, yağma edildi, haramı halâlden ayıran ve buna riâyet eden nerede.
نەسرىي يەشمىسى:
مۇسۇلمانلارنىڭ مال دۇنياسى تالان تاراج قىلىندى، ئۆزۈم يۈز ئىشنىڭ بىردە بىلىمنى كۆزدە تۇتىدىم. 6464. ۋۇجۇدۇم ماڭا ئېگىلىمىدى، ھەۋەسكە قۇل بولدۇم، ئىبادەتكە ۋاقتىم يەتمىدى، سىرىمنى ئاچتىم.“ 6465. قارا دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن باشقىچە بولۇپ قالدى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ قالدى. 6466. خەلقتىن ۋاپا كېتىپ، جاپا ئۈستۈنلۈكنى ئالدى، ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن. 6467. خەلقتىن ۋاپا كېتىپ، جاپا ئىز باستى، ئىشەنچلىك، تايانغۇدەك كىشىلەر قىس بولۇپ كەتتى. 6468. قېرىنداشلار ئارىسىدا يېقىنلىق يىراقلاشتى، ياخشى دوستلار مېھرىبانلىقتىن كەچتى. 6469. كىچىكتە ئەدەپ يوق، ئۇلۇغدا بىلىم، قوپال نادانلار كۆپەيدى، ئەدەپلىك سىلىقلار ئازايدى. 6470. يېقىنلىق پەقەت پۇل ئۈچۈنلا بولدى، ھەقىقەت ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ 6471. ئامەتنىڭ پەقەت ناملا بار، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچى قېنى؟ نەسىھەت دېگەن سۆزلا بار، ئۇنى تۇتقۇچىلار قېنى؟ 6472. ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى كىشىلەر قېنى؟ يامانلىقتىن توسقۇچى كىشىلەر قېنى؟ 6473. سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇدى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار نەسىھەتلىرىدىن ۋاز كەچتى. 6474. بىلىملىكلەر سۆزلىرىنى توغرا سۆزلىمەيدىغان بولدى، خوتۇنلاردىن ھايا كۆتۈرۈلدى، يۈزلىرى يېپىلمايدىغان بولدى. 6475. توغرىلىق يوقالدى، ئورنىنى ئەگرىلىك ئىگىلىدى، قېنى، بىرەر خۇداگۇي كىشى قالدىمۇ؟ 6476. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى، كىمدە كۈمۈش بولسا، شۇنىڭغا باش ئەگدى. 4477. جامائەت كۆپ، مەسچىتلەر ئاز ئىدى، مەسچىتلەر كۆپەيسە، جامائەتلەر ئاز قالدى. 6478. تەقۋادار كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا، بۇنى كۆڭلۈڭدە تۇت، ئەي ياخشىلارنىڭ باشچىسى: 6479. ”بىرەر توغرا ئىش قىلغۇچى قېنى؟ بىرەر خۇدالىق ئىشقا ماڭغۇچى قېنى؟ 6480. دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپى تامامەن بۇزۇلدى، بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالغان بىرەر كىشى بارمۇ؟“ 6481. مۇسۇلمانلار قارشىلاشتى، بىر بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشمەكتە، كاپىرلار بولسا، ھۇزۇر ھالاۋەت ئىچىدە ياتماقتا. 6482. مۇسۇلمانلارنىڭ مال دۇنياسى تالان تاراج قىلىندى، ھارامنى ھالالدىن پەرقلەندۈرىدىغان كىشى قېنى؟
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
قاپۇش قارما بولدى مۈسۈلمان نەڭى قانى ئادرا تۇتغان ھارامىغ ئۆڭى
Kapuş karma boldı müsülmân neñi, kanı adra tutğan harâmığ öñi
سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Müslümanların malı çalındı, yağma edildi, haramı halâlden ayıran ve buna riâyet eden nerede.