تىزىملىك
تىل تاللاش:
50-باب 4336 – 4340-بېيىتلەر (5 بېيىت) بايان قىلغۇچى: ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى (سەييىدلەر) گە ھۆرمەت بىلدۈرۈش بايانى

Peyghember Ewladliri (Seyyidler) ge Hörmet Bildürüsh Bayani

پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى (سەييىدلەر) گە ھۆرمەت بىلدۈرۈش بايانى. قۇتادغۇبىلىكنىڭ 50-بابى، 4336–4340-بېيىتلەر.

🎙️ CD پىلاستىنكىسى: 055 ئەلى ئەۋلادى (ئالىي نەسەبلىكلەر) بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش — 01:30
مەنبە:
#4336 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
خادىم ۋە بەگ خاسلىرىدىن تاشقىرى،
قوشۇلماققا تېگىش كىشىنىڭ بىرى.

Beyond the court attendants and the knights, Other good classes claim thy social rights.

Hizmetkârlardan başka ve beyin adamları dışında, münâsebette bulunacak kimseler şunlardır.

نەسرىي يەشمىسى:
ئەسكەر خىزمەتچىلەردىن باشقا ۋە بەگ خادىملىرىدىن تاشقىرى مۇناسۋەت قىلىدىغان كىشىلەر مۇنۇلاردۇر، ئەي قېرىنداش:
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئەر ئاتتا ئۆڭىن بەگ كىشىسىندە تاش قاتىلغۇ كىشىلەر بۇ ئول ئاي قاداش
Er atta öñin beg kişisinde taş, katılğu kişiler bu ol ay kadaş
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Hizmetkârlardan başka ve beyin adamları dışında, münâsebette bulunacak kimseler şunlardır.
🇬🇧 EN Beyond the court attendants and the knights, Other good classes claim thy social rights.
#4337 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
پەيغەمبەر ئەۋلادى ئۇرۇقى ئېرۇر،
بۇلار قەدىرلەنسە، سائادەت كېلۇر.

One group is the descendants of the Guide; Honor them, and good fortune shall abide!

Bunlardan biri Peygamberin neslidir, bunlara hürmet edersen, devlet ve saadete kavuşursun.

نەسرىي يەشمىسى:
بۇلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەۋلادى بولۇپ، بۇلارنى ھۆرمەت قىلساڭ، بەخت سائادەت تاپسەن.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئولاردا بىرى ساۋچى ئۇرغى-تۇرۇر بۇلارنى ئاغىر تۇتسا قۇت قىۋ بۇلۇر
Olarda biri savçı urğı-turur, bularnı ağır tutsa kut kıv bulur
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bunlardan biri Peygamberin neslidir, bunlara hürmet edersen, devlet ve saadete kavuşursun.
🇬🇧 EN One group is the descendants of the Guide; Honor them, and good fortune shall abide!
#4338 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
قاتتىق سۆي ئۇلارنى كۆڭۈل تېگىدىن،
بېرىپ مال، ئال ياخشى خەۋەر ھالىدىن.

Love them sincerely from thy deepest core; Bestow thy wealth, visit them more and more!

Bunları pek çok ve gönülden sev, onlara iyi bak ve yardımda bulun.

نەسرىي يەشمىسى:
بۇلارنى چىن كۆڭلۈڭدىن بېرىلىپ، تازا ياخشى كۆرگىن، ئۇلارغا ماددىي نەرسىلەر بىلەن ياخشىلىق قىل، يوقلاپ تۇر.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بۇلارنى قاتىغ سەۋ كۆڭۈلدە بەرۈ نەڭىن ئەدگۈلۈك قىل باقا تۇر كۆرۈ
Bularnı katığ sev köñülde berü, neñin edgülük kıl baka tur körü
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bunları pek çok ve gönülden sev, onlara iyi bak ve yardımda bulun.
🇬🇧 EN Love them sincerely from thy deepest core; Bestow thy wealth, visit them more and more!
#4339 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
بۇلاردۇر ئەھلى بەيت، رەسۇلغا قاياش،
ھەبىپ ئەلچى ھەققى ئۈچۈن سۆي، ئاداش.

These are the Prophet's Household, pure and dear; Love them for the Beloved Prophet clear!

Bunlar ehl-i beyttir, Peygamberin uruğudur, ey kardeş, sen de onları, sevgili Peygamber hakkı için, sev.

نەسرىي يەشمىسى:
بۇلار ئەھلى بەيت ①، پەيغەمبەرنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، ئەي قېرىنداش، ئۇنى پەيغەمبەر ھەققى ئۈچۈن ياخشى كۆرگىن.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بۇلار ئەھل-ى-بەيت ئول ھابىبقا قاداش ھابىب ساۋچى ھاققى ئۈچۈن سەۋ ئاداش
Bular ehl-i-beyt ol habibka kadaş, habib savçı hakkı üçün sev adaş
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bunlar ehl-i beyttir, Peygamberin uruğudur, ey kardeş, sen de onları, sevgili Peygamber hakkı için, sev.
🇬🇧 EN These are the Prophet's Household, pure and dear; Love them for the Beloved Prophet clear!
#4340 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
سۈرۈشتۈرمە ئىچ ھەم تېشى، ئەسلىنى،
ناچار سۆزلىسە گەر، سۈرۈشتۈر ئۇنى.

Probe not their inner faults nor deeds unkind, Unless improper words their tongues should find.

Ağızlarından yakışıksız bir söz çıkmadıkça, onların içini-dışını ve aslını-esâsını araştırma.

نەسرىي يەشمىسى:
ئېغىزىدىن قاملاشمىغان سۆز چىقمىسىلا، ئۇلارنىڭ ئىچى تېشى، ئىش ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرمە. ① بەيت بەيتۇللادىن كەلگەنلەر ئەۋلادى، دېگەن مەنىدە.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئى̇چىن ئىرتەمەگىل يا قىلقىن تۆزىن مەگەر تىلدە تەڭسىز يورىتسا سۆزىن
İçin irtemegil ya kılkın tözin, meger tilde teñsiz yorıtsa sözin
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Ağızlarından yakışıksız bir söz çıkmadıkça, onların içini-dışını ve aslını-esâsını araştırma.
🇬🇧 EN Probe not their inner faults nor deeds unkind, Unless improper words their tongues should find.
ئاۋازلىق كىتاب
50-باب: پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى (سەييىدلەر) گە ھۆرمەت بىلدۈرۈش بايانى
100%
00:00 --:--