تىزىملىك
تىل تاللاش:
78-باب 6032 – 6036-بېيىتلەر (5 بېيىت) بايان قىلغۇچى: ئودغۇرمىش (زاھىد)

ئودغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىشكە كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىشى

Odghurmishning Ögdülmishke Kōrgen Chüshini Sözlep Bërishi

ئودغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىشكە كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىشى. قۇتادغۇبىلىكنىڭ 78-بابى، 6032–6036-بېيىتلەر.

🎙️ CD پىلاستىنكىسى: 083 ئودغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىشكە كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىشى — 01:15
مەنبە:
#6032 ئودغۇرمىش (زاھىد)
نەزمىي يەشمىسى:
جاۋاب بېرىپ ئودغۇرمىش ئاچتى تىلىن،
دېدى: چىن قۇلاق سال، ئۇنى سۆزلەيىن.

Yanut berdi odğırmış açtı tilin, ayur sözleyin men köñülke alın

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Odgurmış söze başladı ve cevap verdi: — Pek âlâ, söyleyeyim, sen dikkatle dinle — dedi —

نەسرىي يەشمىسى:
ئودغۇرمىش جاۋاب بېرىپ ئېغىز ئاچتى: مەن سۆزلەي، كۆڭلۈڭدە تۇت، دېدى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
يانۇت بەردى ئودغىرمىش ئاچتى تىلىن ئايۇر سۆزلەيىن مەن كۆڭۈلكە ئالىن
Yanut berdi odğırmış açtı tilin, ayur sözleyin men köñülke alın
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Odgurmış söze başladı ve cevap verdi: — Pek âlâ, söyleyeyim, sen dikkatle dinle — dedi —
#6033 ئودغۇرمىش (زاھىد)
نەزمىي يەشمىسى:
شوتا كۆردۈم ئېگىز، ئەللىك ۋاخىنىلىق،
ئالدىمدا تۇراتتى يانتۇ قويۇقلۇق.

Satu kördüm elig anıñ bağnası, yüz utru uruğluğ ediz hem yası

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Rüyamda bir merdiven gördüm, onun elli basamağı vardı, yüksek ve enli, karşıma dikilmişti.

نەسرىي يەشمىسى:
چۈشۈمدە شوتا كۆردۈم، ئۇنىڭ بالدىقى ئەللىك ئىدى، ئېگىز ھەم كەڭ بولۇپ، ئالدىمدا تىكلەپ قويۇلغانىدى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ساتۇ كۆردۈم ئەلىگ ئانىڭ باغناسى يۈز ئۇترۇ ئۇرۇغلۇغ ئەدىز ھەم ياسى
Satu kördüm elig anıñ bağnası, yüz utru uruğluğ ediz hem yası
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Rüyamda bir merdiven gördüm, onun elli basamağı vardı, yüksek ve enli, karşıma dikilmişti.
#6034 ئودغۇرمىش (زاھىد)
نەزمىي يەشمىسى:
چىقىپ باردىم ئاڭا بىر - بىردىن ئۆرلەپ،
ساناپ تا باشقىچە ۋاخىنا نەچچە دەپ.

Añar ağdım emdi birer bağnaça, başıña tegi bağna sadım neçe

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Ben bu basamaklara birer-birer basarak, yukarı çıktım, sonuna kadar kaç basamak olduğunu saydım.

نەسرىي يەشمىسى:
مانا، بالدىقىنى بىر بىرلەپ بېسىپ، يۇقىرى ئۆرلىدىم، بېشىغا چىققاندا بالداقنى سانىدىم.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئاڭار ئاغدىم ئەمدى بىرەر باغناچا باشىڭا تەگى باغنا سادىم نەچە
Añar ağdım emdi birer bağnaça, başıña tegi bağna sadım neçe
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Ben bu basamaklara birer-birer basarak, yukarı çıktım, sonuna kadar kaç basamak olduğunu saydım.
#6035 ئودغۇرمىش (زاھىد)
نەزمىي يەشمىسى:
بېشىدا بىر ئەنچى235 سۇ بەردى ماڭا،
ئېلىپ ئىچتىم تۈگەتتىم، قاندىم ئاڭا.

Başında bir atçı maña suv berür, alır-men tüketü içip öz kanur

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Son basamakta bir atlı bana su uzattı, ben de alıp, sonuna kadar içtim ve suya kandım.

نەسرىي يەشمىسى:
شوتىنىڭ بېشىدا بىر قاسساپ ماڭا سۇ بەردى، ئۇنى ئېلىپ، تۈگىتىپ ئىچتىم، ئۆزۈمنى قاندۇردۇم.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
باشىندا بىر ئاتچى ماڭا سۇۋ بەرۈر ئالىر-مەن تۈكەتۈ ئىچىپ ئۆز قانۇر
Başında bir atçı maña suv berür, alır-men tüketü içip öz kanur
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Son basamakta bir atlı bana su uzattı, ben de alıp, sonuna kadar içtim ve suya kandım.
#6036 ئودغۇرمىش (زاھىد)
نەزمىي يەشمىسى:
كېيىن كۆككە ئۇچتۇم، ئېگىز يۈكسىلىپ،
يوقالدىم ئۆزۈم ئۇندا ئۆرلەپ سىڭىپ.

Anıñda basa kökke uçtum teñip, özüm belgüsüz boldı örlep siñip

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Ondan sonra havaya yükselerek, göğe uçtum ve yükseklip, gözden kayboldum.

نەسرىي يەشمىسى:
ئۇنىڭدىن كېيىن كۆتۈرۈلۈپ ئاسمانغا ئۈچتۈم، بارغانسېرى ئۆرلەپ ئاسمانغا سىڭىپ كەتتىم.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئانىڭدا باسا كۆككە ئۇچتۇم تەڭىپ ئۆزۈم بەلگۈسۈز بولدى ئۆرلەپ سىڭىپ
Anıñda basa kökke uçtum teñip, özüm belgüsüz boldı örlep siñip
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Ondan sonra havaya yükselerek, göğe uçtum ve yükseklip, gözden kayboldum.
ئاۋازلىق كىتاب
78-باب: ئودغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىشكە كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىشى
100%
00:00 --:--