تىزىملىك
تىل تاللاش:
83-باب 6293 – 6298-بېيىتلەر (6 بېيىت) بايان قىلغۇچى: ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

قۇمارۇنىڭ ئۆگدۈلمىشكە تەزىيە بىلدۈرۈشى

Kumaruning Ögdülmishke Teziye Bildürüshi

قۇمارۇنىڭ ئۆگدۈلمىشكە تەزىيە بىلدۈرۈشى. قۇتادغۇبىلىكنىڭ 83-بابى، 6293–6298-بېيىتلەر.

🎙️ CD پىلاستىنكىسى: 088 قۇمارۇنىڭ ئۆگدۈلمىشكە تەسەللىي بەرگەنلىكى — 01:23
مەنبە:
#6293 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
قۇمارۇ توسۇپ ئېيتتى: ئاچما ھازا،
بول ھەق ھۆكمىگە تىل ۋە دىلدىن رىزا.

Kumaru tegip tıdtı aydı serin, bayat hukmi tapla köñül ög tilin

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Kumaru onun feryâdlarına mâni olmağa çalıştı : — Sabırlı ol, Tanrının hükmüne gönlünle, aklınla ve dilinle riza göster — dedi —

نەسرىي يەشمىسى:
قۇمارۇ ئۇنىڭ نالە پەريادىنى توختىتىشقا تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھۆكىمىگە دىلىڭ ۋە تىلىڭ بىلەن رازى بول، دېدى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
قۇمارۇ تەگىپ تىدتى ئايدى سەرىن بايات ھۇقمى تاپلا كۆڭۈل ئۆگ تىلىن
Kumaru tegip tıdtı aydı serin, bayat hukmi tapla köñül ög tilin
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Kumaru onun feryâdlarına mâni olmağa çalıştı : — Sabırlı ol, Tanrının hükmüne gönlünle, aklınla ve dilinle riza göster — dedi —
#6294 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
جىمىگە ئۆلۈمنىڭ كېلەر كۈنى بار،
ئۇ ئۆلدى، سەن ھەم بول ئۆلۈمگە تەييار.

Tözüke-turur bu ölüm kelgü kün, ol öldi sen emdi ölümke anun

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Her kes için bu ölümün geleceği bir gün vardır, o öldü, şimdi de sen ölüme hazırlan.

نەسرىي يەشمىسى:
ھەممە كىشى ئۈچۈن ئۆلۈم كېلىدىغان كۈن بار، ئۇ ئۆلدى، ئەمدى .. نىمۇ ئۆلۈمگە تەييارلان.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
تۆزۈقە-تۇرۇر بۇ ئۆلۈم كەلگۈ كۈن ئول ئۆلدى سەن ئەمدى ئۆلۈمكە ئانۇن
Tözüke-turur bu ölüm kelgü kün, ol öldi sen emdi ölümke anun
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Her kes için bu ölümün geleceği bir gün vardır, o öldü, şimdi de sen ölüme hazırlan.
#6295 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
نېمىشقا قىلۇرسەن يىغا، ئەي ئوغۇل،
ئۇرۇپ - سوقتى كىم، زەربە ئۇرغان كىم ئول.

Negüke kılur sen sığıt ay urı, kim urdı ya kim sökti ne ol korı

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Ey oğul, niçin ağlıyorsun, sana vuran, söğen kim, kimden ne zarar gördün ?

نەسرىي يەشمىسى:
ئەي ئوغۇل، نېمە ئۈچۈن يىغا زارە قىلسەن، سېنى كىم ئۇردى، كىم تىللىدى، نېمە زىيان كۆردۈڭ؟
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
نەگۈكە قىلۇر سەن سىغىت ئاي ئۇرى كىم ئۇردى يا كىم سۆكتى نە ئول قورى
Negüke kılur sen sığıt ay urı, kim urdı ya kim sökti ne ol korı
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Ey oğul, niçin ağlıyorsun, sana vuran, söğen kim, kimden ne zarar gördün ?
#6296 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
ئاڭا تەڭرى بەرگىنى روھى راۋان،
يەنە ياندۇرۇپ ئالدى، كەتتى ئۇ جان.

Bayat berdi erdi añar cân revân, yana yandru aldı çıkıp bardı cân

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Bu fâni canı ona Tanrı vermişti, şimdi bunu gen aldı ve can da çıktığım.

نەسرىي يەشمىسى:
خۇدا ئۇنىڭغا جان بەرگەنىدى، يەنە ئۇنى قايتۇرۇۋالدى جان چىقىپ كەتتى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بايات بەردى ئەردى ئاڭار جان رەۋان يانا ياندرۇ ئالدى چىقىپ باردى جان
Bayat berdi erdi añar cân revân, yana yandru aldı çıkıp bardı cân
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bu fâni canı ona Tanrı vermişti, şimdi bunu gen aldı ve can da çıktığım.
#6297 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
ئۇ قايتىپ كېلۇرچى ئەمەستۇر يانا،
سەن ھەم بىزمۇ قايتىپ كېتەرمىز مانا.

Ol evre yana yanğu ermez berü, saña hem maña barğu terk ol naru

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

O bir daha geri dönecek değildir, kısa bir zaman sonra, sen de ben de oraya gideceğiz.

نەسرىي يەشمىسى:
ئۇ ئەمدى يەنە قايتىپ كەلمەيدۇ، بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن سەنمۇ، مەنمۇ شۇ ياققا بارىمىز.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئول ئەۋرە يانا يانغۇ ئەرمەز بەرۈ ساڭا ھەم ماڭا بارغۇ تەرك ئول نارۇ
Ol evre yana yanğu ermez berü, saña hem maña barğu terk ol naru
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR O bir daha geri dönecek değildir, kısa bir zaman sonra, sen de ben de oraya gideceğiz.
#6298 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
دېدى: تۇر، قاياشىڭ گۆرىن كۆرگىنا،
زىيارەت قىلىپ سەن يەنە قايتقىنا.

Ayur tur kadaşıñ gûrin körgile, ziyâret kılıp sen yana yanğıla

(Karakhanid transcription · English translation in progress)

Bir de ilâve etti : — Kardeşinin mezarını bir gör, onu ziyaret edip, öyle geri dön.

نەسرىي يەشمىسى:
يەنە دېدى: يۈر، قېرىندىشىڭنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈپ باق، زىيارەت قىلىپ ئاندىن يانغىن.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئايۇر تۇر قاداشىڭ گۇرىن كۆرگىلە زىيارەت قىلىپ سەن يانا يانغىلا
Ayur tur kadaşıñ gûrin körgile, ziyâret kılıp sen yana yanğıla
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bir de ilâve etti : — Kardeşinin mezarını bir gör, onu ziyaret edip, öyle geri dön.
ئاۋازلىق كىتاب
83-باب: قۇمارۇنىڭ ئۆگدۈلمىشكە تەزىيە بىلدۈرۈشى
100%
00:00 --:--