تىزىملىك
تىل تاللاش:
25-باب 1581 – 1590-بېيىتلەر (10 بېيىت) بايان قىلغۇچى: ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

ئۆگدۈلمىشنىڭ پادىشاھ كۈنتۇغدى ھۇزۇرىغا چىقىشى

Ögdülmishning Padishah Küntughdi Huzurigha Chiqishi

ئۆگدۈلمىشنىڭ پادىشاھ كۈنتۇغدى ھۇزۇرىغا چىقىشى. قۇتادغۇبىلىكنىڭ 25-بابى، 1581–1590-بېيىتلەر.

🎙️ CD پىلاستىنكىسى: 030 ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىك ھۇزۇرىغا كىرگەنلىكى ئېيتىلىدۇ — 02:06
مەنبە:
#1581 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
كېلىپ كىردى ئۆگدۈلمىش ئۇدۇل يۈرۈپ،
ئەلىگە كۆرۈندى سۆيۈنچلۈك بولۇپ.

Ögdülmiş entered with measured steps, presenting himself before the King with a joyful countenance.

ئۆگدۈلمىش كىرىپ كەلدى، يۈزمۇيۈز تۇرۇپ خۇشال ھالدا ئەلىگكە كۆرۈندى.

نەسرىي يەشمىسى:
ئۆگدۈلمىش كىرىپ كەلدى، يۈزمۇيۈز تۇرۇپ خۇشال ھالدا ئەلىگكە كۆرۈندى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
كېلىپ كىردى ئۆگدۈلمىش ئۇدۇل يۈرۈپ، ئەلىگە كۆرۈندى سۆيۈنچلۈك بولۇپ.
كېلىپ كىردى ئۆگدۈلمىش ئۇدۇل يۈرۈپ، / ئەلىگە كۆرۈندى سۆيۈنچلۈك بولۇپ.
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR ئۆگدۈلمىش كىرىپ كەلدى، يۈزمۇيۈز تۇرۇپ خۇشال ھالدا ئەلىگكە كۆرۈندى.
🇬🇧 EN Ögdülmiş entered with measured steps, presenting himself before the King with a joyful countenance.
#1582 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
ئەلىگە كۆردى دەرھال قىچقىردى ئۇنى،
دېدى: نېمە قىلدى زامانە سېنى.

As soon as the King beheld him, he summoned him close and asked: 'How hath fortune treated thee?'

Hükümdar onu görünce, hemen yanma çağırdı ve sordu: —Felek sana neler yaptı?

نەسرىي يەشمىسى:
ئەلىگ كۆرۈپ دەرھال ئۇنى چاقىردى، زامان سېنى نېمە قىلدى؟ دەپ سورىدى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئى̇لىگ كۆردى تەركىن ئوقىدى ئانى ئايىتتى نەگۈ قىلدى ئۈدلەك سەنى
İlig kördi terkin okıdı anı, ayıttı negü kıldı üdlek seni
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Hükümdar onu görünce, hemen yanma çağırdı ve sordu: —Felek sana neler yaptı?
🇬🇧 EN As soon as the King beheld him, he summoned him close and asked: 'How hath fortune treated thee?'
#1583 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
نېچۈكرەك كېچەر بۇ كەچۈرگەن كۈنۈڭ،
يۈردۈڭمۇ دۇرۇس ياكى ئەگرى يولۇڭ.

'How have thy days passed? Hast thou walked in the path of rectitude, or hath thy way been crooked?'

Günlerin nasıl geçiyor, doğrumu yürüyorsun, eğri yoldamısın?

نەسرىي يەشمىسى:
كەچۈرمىش كۈنلىرىڭ قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، توغرا يۈرۈۋاتامسەن ياكى ئەگرى يولدىمۇ؟
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
نەگۈ تەگ كەچەر بۇ كەچىگلى كۈنۈڭ كۆنىمۈ يورىر سەن يا ئەگرى يولۇڭ
Negü teg keçer bu keçigli künüñ, könimü yorır sen ya egri yoluñ
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Günlerin nasıl geçiyor, doğrumu yürüyorsun, eğri yoldamısın?
🇬🇧 EN 'How have thy days passed? Hast thou walked in the path of rectitude, or hath thy way been crooked?'
#1584 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
زامانە تە قىلدى ئاتاڭدىن كېيىن،
يۈرەمسەن خۇشال يا غەمكىن قايغۇدىن.

'What hath time brought upon thee since thy father's death? Hast thou lived in gladness or in sorrow?'

ئاتاڭدىن كېيىن زامان ساڭا نېمىلەرنى قىلدى، خۇشاللىق بەخش قىلدىمۇ ياكى غەم قايغۇمۇ؟

نەسرىي يەشمىسى:
ئاتاڭدىن كېيىن زامان ساڭا نېمىلەرنى قىلدى، خۇشاللىق بەخش قىلدىمۇ ياكى غەم قايغۇمۇ؟
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
زامانە تە قىلدى ئاتاڭدىن كېيىن، يۈرەمسەن خۇشال يا غەمكىن قايغۇدىن؟
زامانە تە قىلدى ئاتاڭدىن كېيىن، / يۈرەمسەن خۇشال يا غەمكىن قايغۇدىن؟
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR ئاتاڭدىن كېيىن زامان ساڭا نېمىلەرنى قىلدى، خۇشاللىق بەخش قىلدىمۇ ياكى غەم قايغۇمۇ؟
🇬🇧 EN 'What hath time brought upon thee since thy father's death? Hast thou lived in gladness or in sorrow?'
#1585 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
دېدى بۇ ئۆگدۈلمىش: ئەي ئەلىگە قۇتى،
ياشىسۇن ئۇزۇن ھەم يېيىلسۇن ئېتى.

Ögdülmiş submitted: 'O blessed King, may God grant thee long life, and may thy renown spread throughout the earth!'

Öğdülmiş arzetti : — Ey devletli hükümdar, Allah uzun ömürler versin, şöhretin dünyaya yayılsın.

نەسرىي يەشمىسى:
ئۆگدۈلمىش ئۆتۈنۈپ دېدى : دۆلەتلىك ئەلىگ، ئۈزۈن ياشا، نامىڭ يېيىلسۇن.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئۆتۈندى بۇ ئۆگدۈلمىش ئىلىگ قۇتى ئۇزۇن كەچ تىرىلسۈ يادىلسۇ ئاتى
Ötündi bu ögdülmiş ilig kutı, uzun keç tirilsü yadılsu atı
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Öğdülmiş arzetti : — Ey devletli hükümdar, Allah uzun ömürler versin, şöhretin dünyaya yayılsın.
🇬🇧 EN Ögdülmiş submitted: 'O blessed King, may God grant thee long life, and may thy renown spread throughout the earth!'
#1586 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
ئەلىگە ئىشىدىن چەتتە قالدىم يىراق،
زامان يۈز ئۆرۈپ قاش تۈرگەچ بىراق.

'I was far from the King's presence, left outside his service; time turned an austere face upon me and knit its brows.'

Felek bana gadretti ve kaşını çattı, hükümdarın hizmetinden uzakta ve dışarda kaldım.

نەسرىي يەشمىسى:
ئەلىگدىن يىراقلىشىپ، خىزمىتىدىن سىرتتا قالدىم، زامان مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قوشۇمسىنى تۈردى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
يىراق بولدۇم ئىلىگ تاپۇغىندا تاش ئىرىگلەندى ئۈدلەك ماڭا تۈگدى قاش
Yırak boldum ilig tapuğında taş, iriglendi üdlek maña tügdi kaş
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Felek bana gadretti ve kaşını çattı, hükümdarın hizmetinden uzakta ve dışarda kaldım.
🇬🇧 EN 'I was far from the King's presence, left outside his service; time turned an austere face upon me and knit its brows.'
#1587 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
ئۇزۇن بولدى ئەلىگە يۈزىن كۆرمىدىم،
ئەلەم - قايغۇ بىرلە يۈرۈپ، كۈلمىدىم.

'Long was the season that I beheld not the King's face; sorrow and grief attended my steps, and my lips knew no smile.'

Çok zaman geçti, hükümdarın yüzünü görmedim, üzüntü ve kaygı içinde idim, yüzüm gülmedi.

نەسرىي يەشمىسى:
ئۇزۇن بولدى ئەلگ يۈزىنى كۆرمىدىم، غەم قايغۇ بىلەن يۈرۈپ كۈلمىدىم.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بۈتە بولدى ئىلىگ يۈزىن كۆرمەدىم ساقىنچ قادغۇ بىرلە يورىپ كۈلمەدىم
Büte boldı ilig yüzin körmedim, sakınç kadğu birle yorıp külmedim
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Çok zaman geçti, hükümdarın yüzünü görmedim, üzüntü ve kaygı içinde idim, yüzüm gülmedi.
🇬🇧 EN 'Long was the season that I beheld not the King's face; sorrow and grief attended my steps, and my lips knew no smile.'
#1588 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
قىچقىرغاچ بۇ كۈن خان قىلىپ ياد مېنى،
ماڭا باغلىدى بەخت ئۈمىد قۇرىنى.

'Today the King remembered me and called me to his presence; hope hath revived within me, and fortune hath girded me with its belt.'

Bugün hükümdar beni hatırlayarak, çağırttı, şimdi ümitli olabilirim, çünkü saadet bana yâr olmağa başladı.

نەسرىي يەشمىسى:
بۈگۈن ئەلگ مېنى ئەسلەپ، ئالدىغا چاقىردى، ماڭا ئۈمىد ۋە دۆلەت كەمىرى باغلاندى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بۇ كۈن ئەدلەپ ئىلىگ مەنى ئۈندەدى ئۇمىنچلىغقا دەۋلەت ماڭا قۇر بادى
Bu kün edlep ilig meni ündedi, umınçlığka devlet maña kur badı
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bugün hükümdar beni hatırlayarak, çağırttı, şimdi ümitli olabilirim, çünkü saadet bana yâr olmağa başladı.
🇬🇧 EN 'Today the King remembered me and called me to his presence; hope hath revived within me, and fortune hath girded me with its belt.'
#1589 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
ئەلىگ يارلىقىنى ئىشتىكەچ ئۆزۈم،
كۈنۈم ياخشى بولدى، يورۇدى كۆزۈم.

'When I heard the King's royal command, my eyes were illumined and the sun of gladness dawned upon me.'

Hükümdarın emrini duyunca, gözüm parladı ve bana gün doğdu.

نەسرىي يەشمىسى:
مەن ئەلگنىڭ يارلىقىنى ئاڭلىدىم، كۈنۈم ياخشى بولدى، كۆزۈم نۇرلاندى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئى̇لىگ يارلىغىنى ئەشىتتى ئۆزۈم كۈنۈم ئەدگۈ بولدى يارۇدى كۆزۈم
İlig yarlığını eşitti özüm, künüm edgü boldı yarudı közüm
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Hükümdarın emrini duyunca, gözüm parladı ve bana gün doğdu.
🇬🇧 EN 'When I heard the King's royal command, my eyes were illumined and the sun of gladness dawned upon me.'
#1590 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
ئەلىگ كۆردى تۈرلۈك ئىلىمدىن سىناپ،
ئېچىپ تىلنى ئۆگدۈلمىش ئېيتتى جاۋاب.

The King questioned him on diverse branches of knowledge, and Ögdülmiş opened his lips and answered every question with wisdom.

Hükümdar türlü suâller ile bilgisini denedi ve Öğdülmiş bunların hepsine uygun cevaplar verdi.

نەسرىي يەشمىسى:
ئەلگ ھەر تۈرلۈك بىلىملەرنى سورىدى، ئۆگدۈلمىش جاۋاب بېرىپ سۆز ئاچتى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئى̇لىگ تەگمە تۆرلۈگ ئايىتتى بىلىگ ئۆتۈندى بۇ ئۆگدۈلمىش ئاچتى تىلىگ
İlig tegme törlüg ayıttı bilig, ötündi bu ögdülmiş açtı tilig
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Hükümdar türlü suâller ile bilgisini denedi ve Öğdülmiş bunların hepsine uygun cevaplar verdi.
🇬🇧 EN The King questioned him on diverse branches of knowledge, and Ögdülmiş opened his lips and answered every question with wisdom.
ئاۋازلىق كىتاب
25-باب: ئۆگدۈلمىشنىڭ پادىشاھ كۈنتۇغدى ھۇزۇرىغا چىقىشى
100%
00:00 --:--