تىزىملىك
تىل تاللاش:
54-باب 4366 – 4375-بېيىتلەر (10 بېيىت) بايان قىلغۇچى: ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)

چۈش تەبىرچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش بايانى

Chüsh Tebirchiliri bilen Munasiwet Qilish Bayani

چۈش تەبىرچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش بايانى. قۇتادغۇبىلىكنىڭ 54-بابى، 4366–4375-بېيىتلەر.

🎙️ CD پىلاستىنكىسى: 059 چۈش يورۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە — 01:53
مەنبە:
#4366 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
يەنە بىر ئىلىمدۇر بۇ چۈش ئىلمى ئول،
چۈشىسەڭ، ئۆرۈرچى ئاچار ياخشى يول.

Another branch is the interpretation of dreams; When dreams appear, the seer finds righteous gleams.

Bir ilim de rüya ilmidir, rüya görünce, yoran kimse onu hayra çevirir.

نەسرىي يەشمىسى:
يەنە بىر بىلىم چۈش ئۆرۈش ئىلىمدۇر، چۈش كۆرۈلسە ئۆرۈگۈچى ياخشى يول ئاچىدۇ.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
تاقى بىر بىلىگ كۆر بۇ تۈش ئىلمى ئول تۈشەسە يورۇغلى ئاچار ئەدگۈ يول
Takı bir bilig kör bu tüş ilmi ol, tüşese yoruğlı açar edgü yol
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bir ilim de rüya ilmidir, rüya görünce, yoran kimse onu hayra çevirir.
🇬🇧 EN Another branch is the interpretation of dreams; When dreams appear, the seer finds righteous gleams.
#4367 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
كىشى ئۇخلىغاندا مەگەر چۈش كۆرە،
ئۆرۈشنى بىلسە، تېز دېگىنى كېلەر.

When mortals sleep, dreams wander in the head; If wisely parsed, what happens matches what was said.

insan uyuyunca, rüya görür, tâbirci yormasını bilirse, dediği derhâl çıkar.

نەسرىي يەشمىسى:
ئادەم ئۇخلىسا، چۈش كۆرىدۇ، بۇ چۈشنى ئۆرۈشنى بىلسە، دېگىنى دەرھال بولىدۇ.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
ئۇدىسا بۇ يالڭۇق تۈشەر ئۆك بۇ تۈش يورا بىلسە تەركىن كەلىر ئاغزى تۇش
Udısa bu yalñuk tüşer ök bu tüş, yora bilse terkin kelir ağzı tuş
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR insan uyuyunca, rüya görür, tâbirci yormasını bilirse, dediği derhâl çıkar.
🇬🇧 EN When mortals sleep, dreams wander in the head; If wisely parsed, what happens matches what was said.
#4368 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
بۇ چۈش ئۆرۈگۈچىلەر ئۆلى ئۆرۈسە خوپ،
يۈرەر ياخشىغا، ئەر قالۇر خۇش بولۇپ.

When the interpreter interprets well, Good fortune follows, and all joys excel.

Bu rüya yoran kimse onu iyiye yorarsa, rüya dâimi iyi çıkar ve insan sevinir.

نەسرىي يەشمىسى:
چۈش ئۆرۈگۈچى چۈشنى ياخشىلىققا ئۆرۈسە، چۈشى ياخشى بولۇپ چىقىدۇ، ئاقىۋىتى خۇشاللىق بولىدۇ.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
تۈشۈگ ئەدگۈ يورسا بۇ تۈش يورغۇچى ئول ئەدگۈ كەلىر كۆر بۇ سەۋنۈر تۇچى
Tüşüg edgü yorsa bu tüş yorğuçı, ol edgü kelir kör bu sevnür tuçı
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bu rüya yoran kimse onu iyiye yorarsa, rüya dâimi iyi çıkar ve insan sevinir.
🇬🇧 EN When the interpreter interprets well, Good fortune follows, and all joys excel.
#4369 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
بىمەنە بولسا چۈش ۋە يا بەك يامان،
يېرىپ سەدىقە ئۆزىن كۆزەتسۇن شۇ ئان.

Yet if the dream portends an evil state, Give alms to paupers to avert dark fate!

Eğer rüya münasebetsiz ve çok fena ise fakirlere sadaka vererek, vücûdu onun şerrinden korumak lazımdır.

نەسرىي يەشمىسى:
ئەگەر چۈشى مەنىسىز ۋە بەك يامان بولسا، كەمبەغەلگە سەدىقە بېرىپ، جان تەننى ساقلاش كېرەك.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
قالى تەڭسىز ئەرسە تۈشى كەد ياۋۇز چىغايقا بەرىپ نەڭ كۈدەزگۈ ئەت ئۆز
Kalı teñsiz erse tüşi ked yavuz, çığayka berip neñ küdezgü et öz
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Eğer rüya münasebetsiz ve çok fena ise fakirlere sadaka vererek, vücûdu onun şerrinden korumak lazımdır.
🇬🇧 EN Yet if the dream portends an evil state, Give alms to paupers to avert dark fate!
#4370 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
قارا، چۈش ئىلمىنى رەھىملىك خۇدا،
قۇلىغا ياخشىلىق دەپ قىلدى ئاتا.

Behold in dreams how God's kind mercies shine; To guide His servants with a heavenly sign!

Bu rüya ilmine bak. merhametli Tanrı kulunun iyiliğini arzuladı ve ona rüyada alâmetler gösterdi.

نەسرىي يەشمىسى:
قارا، چۈش ئىلمى جەھەتتە مېھرىبان خۇدا بەندىلىرىگە ياخشىلىق كۆزلەپ، ئايەتلەر ئاتا قىلدى.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بۇ تۈش ئىلمى كۆرگىل باغىرساق بايات قۇلى ئەدگۈسىن قولدى بەردى ئايات
Bu tüş ilmi körgil bağırsak bayat, kulı edgüsin koldı berdi âyât
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Bu rüya ilmine bak. merhametli Tanrı kulunun iyiliğini arzuladı ve ona rüyada alâmetler gösterdi.
🇬🇧 EN Behold in dreams how God's kind mercies shine; To guide His servants with a heavenly sign!
#4371 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
چۈشۈڭ ياخشى كۆرسەڭ، سۆيۈنگىن ھامان،
يامان بولسا ھەققە سىغىنغىن شۇ ئان.

If good the dream, rejoice and give God praise; If bad, seek refuge in His righteous ways.

Rüya iyi olursa, onu görünce, sevinmeli, fena bir rüya görünce de. kalkıp Tanrıya sığınmalıdır.

نەسرىي يەشمىسى:
كىشىنىڭ چۈشى ياخشى بولسا، خۇشال بولۇش، يامان بولسا، ئورنىدىن تۈرۈپ، ئاللاغا سىغىنىش كېرەك.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
تۈشى ئەدگۈ بولسا سەۋىنسە كۆرۈپ ئىسىز كۆرسە رابقا سىغىنسا تۇرۇپ
Tüşi edgü bolsa sevinse körüp, isiz körse rabka sığınsa turup
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Rüya iyi olursa, onu görünce, sevinmeli, fena bir rüya görünce de. kalkıp Tanrıya sığınmalıdır.
🇬🇧 EN If good the dream, rejoice and give God praise; If bad, seek refuge in His righteous ways.
#4372 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
پېقىرلارغا بەرسەڭ كۈمۈش، مال - تاۋار،
خۇدا خالىسا گەر بالانى توسار.

Distribute silver, goods, and charity; God will avert the threatening tragedy.

Fakirlere gümüş ve mal dağıtılıra, Tanrı insanı bela ve kazalardan muhafaza eder.

نەسرىي يەشمىسى:
كەمبەغەلگە پۇل، نەرسە كېرەك سەدىقە قىلسا، خۇدا ئاندىن بالا قازانى توسايدۇ.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
چىغايقا ئۈلەسە كۈمۈش نەڭ تاۋار بايات قولسا ئاندىن بەلانى يىغار
Çığayka ülese kümüş neñ tavar, bayat kolsa andın belânı yığar
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Fakirlere gümüş ve mal dağıtılıra, Tanrı insanı bela ve kazalardan muhafaza eder.
🇬🇧 EN Distribute silver, goods, and charity; God will avert the threatening tragedy.
#4373 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
نېمىگە جورسا، چۈش ماڭار شۇڭا،
ئايا چۈش ئۆرۈگۈچى، كۆڭۈل بۆل مۇڭا.

Skilled dream interpreters are wise and kind; With deep devotion helping all mankind.

Rüyaları böyle iyi yoran bunlardır, onlar bilgileri ve gönülden bağlılıkları ile insana iyilik ederler.

نەسرىي يەشمىسى:
چۈش ئۆرۈگەندەك بولىدۇ، چۈشنى ياخشى ئۆرۈش كېرەك، ئەي چۈش ئۆرۈگۈچى، چۈشنى ئىنچىكە مۇلاھىزە قىل.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بۇ ياڭلىغ تۈشۈگ ئۇز يۆرۈگلى بۇلار بىلىگلىگ باغىرساق بولۇپ ئەدگۈلەر
Bu yañlığ tüşüg uz yörügli bular, biliglig bağırsak bolup edgüler
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Rüyaları böyle iyi yoran bunlardır, onlar bilgileri ve gönülden bağlılıkları ile insana iyilik ederler.
🇬🇧 EN Skilled dream interpreters are wise and kind; With deep devotion helping all mankind.
#4374 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
كىشىكى، بۇ چۈشنى ياخشىغا جورار،
ئىلىم ۋە مېھىرلە ياخشىلىق قىلار.

The worthy seer interprets dreams for good, With tender mercy, as a scholar should.

شۇنداق قىلغاندا، چۈش ياخشى ئۆرۈلگەن بولىدۇ، بىلىملىك، مېھرىبان كىشىلەرلا ياخشىلىققا ئۆرۈيدۇ .

نەسرىي يەشمىسى:
شۇنداق قىلغاندا، چۈش ياخشى ئۆرۈلگەن بولىدۇ، بىلىملىك، مېھرىبان كىشىلەرلا ياخشىلىققا ئۆرۈيدۇ .
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
كىشىكى، بۇ چۈشنى ياخشىغا جورار، ئىلىم ۋە مېھىرلە ياخشىلىق قىلار.
كىشىكى، بۇ چۈشنى ياخشىغا جورار، / ئىلىم ۋە مېھىرلە ياخشىلىق قىلار.
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR شۇنداق قىلغاندا، چۈش ياخشى ئۆرۈلگەن بولىدۇ، بىلىملىك، مېھرىبان كىشىلەرلا ياخشىلىققا ئۆرۈيدۇ .
🇬🇧 EN The worthy seer interprets dreams for good, With tender mercy, as a scholar should.
#4375 ئۆگدۈلمىش (مەسلىھەتچى)
نەزمىي يەشمىسى:
بۇلارنى ھەم ياخشى كۆرۈپ، تۈت قاياش،
تىلىسەڭ قاياش تۈت، تىلىسەڭ ئاداش.

Treat these men also well, O brother dear; Make them thy brothers or companions near!

Ey kardeş bunlara karşı da iyi davran, onlara istersen kardeş, istersen dost muamelesi yap.

نەسرىي يەشمىسى:
ئەي قېرىنداش، بۇلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنى خالىساڭ قېرىنداش قىل، خالىساڭ دوست تۇت.
ئەسلى قاراخانىيچە تېكىستى (Original Karakhanid)
بۇلارىغ يەمە ئەدگۈ تۇتغىل قاداش تىلەسە قاداش تۇت تىلەسە ئاداش
Bularığ yeme edgü tutğıl kadaş, tilese kadaş tut tilese adaş
🌐 سېلىشتۇرما (تەرجىمىلەر)
🇹🇷 TR Ey kardeş bunlara karşı da iyi davran, onlara istersen kardeş, istersen dost muamelesi yap.
🇬🇧 EN Treat these men also well, O brother dear; Make them thy brothers or companions near!
ئاۋازلىق كىتاب
54-باب: چۈش تەبىرچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش بايانى
100%
00:00 --:--